A
B
C
D
E
F
G
H
I
10 J
11 K
12 L
13 M
14 N
15 O
16 P
17 Q
18 R
19 S
20 T
21 U
22 V
23 W
24 X
25 Y
26 Z

1 A🔗

a, an

indef.art (ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان سۆزلەرنىڭ ئالدىدا a، سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان سۆزلەرنىڭ ئالدىدا an ئىشلىتىلىدۇ) ① بىر، بىر دانە: a pen بىر قەلەم/ an hour بىر سائەت (ۋاقىت)/ a book بىر كىتاب/a university بىر داشۆ/a house بىر ئېغىز ئۆي. ② ھەر، ھەر بىر: once a mounth (ھەر) ئايدا بىر قېتىم. ③ (تۈرداش شەيئىلەرنى كۆرسىتىدۇ) ھەرقانداق (خىل، تۈر): A square has four sides. ھەرقانداق كۋادراتنىڭ تۆت تەرىپى بولىدۇ. ④ ئوخشاش: of a size ئوخشاش دەرىجىلىك (ئاياغ ۋە باشقىلار).

abacus

(abaci abacus es ) n. چوت، سەنپەن.

abandon

v. تاشلىۋەتمەك، ۋاز كەچمەك، ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرمەك.

abashed

①مۇھتاجلىق، ئېغىرلىق ②مۈشكۈل ئەھۋال

ABC

①n. ئېلىپبە، ئالفاۋىت. ②ئاساس.

abdomen

n. قورساق، قورساق قىسمى.

abhor

v. ( abhor red؛ abhor red؛ abhor ring) نەپرەتلەنمەك، ئۆچ كۆرمەك، يامان كۆرمەك، بىزار بولماق، ۋاز كەچمەك.

abide

v. (abode، aibded؛ abode، abided) ① رىئايە قىلماق، بويسۇنماق. ② چىدىماق، بەرداشلىق بەرمەك.

ability

n. ①كۈچ، قابىلىيەت، ئىقتىدار، ماھارەت. ② ئىستېدات.

able

① adj. قابىلىيەتلىك، ئىقتىدارلىق، ئىستېداتلىق. ② قولىدىن كېلىدىغان، ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، قىلالايدىغان: be able to قىلالىماق.

aboard

① adv.Ⅰ (پاراخوت، ئايروپىلان، ماشىنا قاتارلىقلار)دا. ② (ئايروپىلان، پاراخوت، پويىز، ماشىنا)غا (ئولتۇرۇش، چىقىش) prep.Ⅱ. (ئايروپىلان، پاراخوت، ماشىنا)دا. تا. غا.

abode

υ.→ abide. تۇرۇشلۇق جاي

abolish

υ. بىكار قىلماق، يوق قىلماق، ئەمەلدىن قالدۇرماق.

abound

①υ. مول بولماق. ① تولماق، لىق تولماق، قاپلىماق.

about

①adυ.Ⅰ ئەتراپىدا، ئۆپچۆرىسىدە، يېقىن ئەتراپتا، ئەتراپقا. ② يۇقىرىدا، يەنىلا. ③ ئالاھازەل، ......لاردا (ۋاقىت). ①prep.Ⅱ ئەتراپىدا، ئۆپچۆرىسىدە، ② ھەققىدە، توغرۇلۇق، توغرىسىدا، دائىر، ئائىت: be about to ئالدىد؛ پات ئارىدا؛ قىلماقچى بولماق.

above

①prep.Ⅰ ئۈستىگە؛ ئۈستىدە: The aeroplane flew above the clouds. ئايروپىلان بۇلۇتنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى. ②...-دىن ئارتۇق. ①adv.Ⅱ ئۈستىدە؛ ئۈستىگە. ② ئالدىدا. adj.Ⅲ ئېيتىپ ئۆتۈلگەن، يۇقىرىدىكى، يۇقىرىدا ئېيتىلغان، بايان قىلىنغان: above all ئالدى بىلەن، ئاۋۋال.

abroad

① adv. دۆلەت سىرتى (دا، غا)، چەت ئەل(دە، گە)، تاشقىرى (غا، دا). ② ھەممە يەر (دە، گە).

abrupt

①adj. تۇيۇقسىز. ② قوپال، توڭ قاتتىق. ③ تىك يانتۇ.

absence

①n. كەملىك، كەم بولۇش. ② قاناشماسلىق، كەلمەسلىك.

absent 1

① adj.يوق، قاتناشمىغان، كەلمىگەن. ② كەم، كەمچىل.

absent 2

v. قاتناشماسلىق، (ئىشقا) كەلمەسلىك؛ (دەرستىن، خىزمەتتىن) قالماق.

absolute

① adj. سۆزسىز؛ قەتئىي. ② مۇتلەق. ③ پۈتۈنلەي، تامامەن. ④ چەكسىز: absolute zero چەكسىز كەتكەن نۆللەر.

absolutely

① adv. مۇتلەق. ② پۈتۈنلەي. ③ ئەلۋەتتە؛ چوقۇم، جەزمەن.

absorb

① v. سۈمۈرمەك، شورىماق، يۇتماق، شۈممەك. ② (ئابستراكت مەنىدە) قوبۇل قىلماق. ③ بېرىلمەك.

abstract

adj. ئابستراكت.

absurd

① adj. كېلىشمىگەن، بىمەنە، بولمىغۇر، شاللاق، چاكىنا. ② نامۇۋاپىق؛ ئەقىلگە سىغمايدىغان. ③ كۈلكىلىك.

abundance

n. موللۇق، باياشاتلىق، كەڭتاشالىق، پاراۋانلىق،

abundant

adj. مول، كۆپلەپ، نۇرغۇنلىغان.

abuse 1

① v. قالايمىقان ئىشلەتمەك (ھوقۇق)؛ ئارتۇقچە سەرپ قىلماق. ② خارلىماق؛ سۇيىئىستېمال قىلماق. ③ ھاقارەتلىمەك.

abuse 2

①n. قالايمىقان ئىشلىتىش (ھوقۇق). ② سۇيىئىستېمال قىلىش. ③ خارلاش. ④ ھاقارەتلەش. ⑤ قالاق ئادەت، ئەسكى ئادەت، يامان خاھىش، ناچار ئىللەت.

academy

① n. ئاكادېمىيە. ② ئالىي تېخنىكۇم. ③ شۆيۈەن. ④ ئوفىتسېرلار مەكتىپى. ⑤ ئىلمىي جەمئىيەت.

accelerate

v.Ⅰ تېزلەتمەك. n.Ⅱ تېزلىتىش، تېزلىنىش.

accent 1

①v. ئۇرغۇلۇق ئوقۇماق. ② ئۇرغۇ بەلگىسى قويماق.

accent 2

① n.ئۇرغۇ، ئۇرغۇ بەلگىسى. ② ئاھاڭ. ③ تەلەپپۇز.

accept

① v. قوبۇل قىلماق، ماقۇل بولماق. ② ئېتىراپ قىلماق، ئىقرار قىلماق.

access

① n. يېقىنلىشىش. ② ئاسان يېتىپ بېرىش. ③ يول.

accessory

① n. قوشۇمچە بۇيۇم. ② قوشۇمچە دېتال. ③ زىننەت بۇيۇملىرى، زىبۇ-زىننەت. ④ سېرىك.

accident

n. بەختسىزلىك ھادىسە، تاسادىپىي ۋەقە.

accidental

adj. تاسادىپىي، تۇيۇقسىز.

accommodate

① v. تەمىنلىمەك. ② كۆندۈرمەك، كۆنمەك، ماسلاشماق.

accompany

① v. ھەمراھ بولماق. جور بولماق، بىللە بولماق. ② تەڭكەش قىلماق.

accomplish

① v. تاماملىماق، پۈتتۈرمەك. ② يولغا قويماق، ئىجرا قىلماق. ③ يەتمەك (مەقسەتكە).

accord

v. Ⅰ ماسلاشماق، ئۆزلەشمەك. n.Ⅱ كېلىشىم، شەرتنامە.

according

adv. بويىچە، بىنائەن، ئاساسەن: according to بىنائەن، بويىچە، ئاساسەن.

accordingly

adv. شۇڭلاشقا، شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇڭا، شۇنىڭ بىلەن.

account

① n.Ⅰ ھېساب، ھېسابات. ② تىزىمغا ئالدۇرۇش. مەلۇم قىلىش. ③ سەۋەب. ④...... دەپ بىلىش؛ ئويلىنىش. ① v. Ⅱ ئىزاھلىماق. ② چۈشەندۈرمەك: of no account كارى چاغلىق on no account / ھەرگىز، ئەسلا turn to account / پايدىلانماق.

accumulate

v. جۇغلىماق، توپلىماق، يىغماق.

accurate

adj. توغرا، ئېنىق. ② نازۇك، سىپتا، زىل.

accursed

① adj. قارغىش تەككەن، بەختسىز. ② يىرگىنىچلىك، يامان.

accuse

① v. شىكايەت قىلماق، دەرت تۆكمەك. ② ئەيىبلىمەك، كايىماق. ③ قارىلىماق.

accustom

v. ئادەتلەندۈرمەك، كۆندۈرمەك: be accustomed to ......- گە ئادەتلەنمەك.

ache

v.Ⅰ ئاغرىماق، ئاغرىپ قالماق، n.Ⅱ ئاغرىق

achieve

① v. ئورۇنلىماق (خىزمەتنى). ② يەتمەك، ئېرىشمەك. ③ ئەمەلگە ئاشماق؛ ۋۇجۇدقا چىقماق.

achievement

① n. مۇۋەپپەقىيەت؛ نەتىجە، ئۇتۇق. ② ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆزلەشتۈرۈش نەتىجىسى.

acid

adj.Ⅰ كىسلاتا، كىسلاتالىق. n.Ⅱ كىسلاتا.

acknowledge

① v. ئېتىراپ قىلماق، ئىقرار قىلماق. ② مىننەتدارلىق بىلدۈرمەك. ③ تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئوقتۇرماق.

acquaint

v. تونۇتماق، بىلدۈرمەك، ئۇقتۇرماق.

acquaintance

① n. تونۇشلۇق، تونۇش. ② تونۇشۇش.

acquire

① v. قولغا كەلتۈرمەك، ئېرىشمەك؛ ئىگە بولماق. ② ئۆگىنىۋالماق.

acre

n. ئىنگلىز موسى (47.40 ئارغا ياكى 07.6 موغا باراۋەر).

across

① prep.Ⅰ توغرىسىغا، توغرىسىغا كېسىپ: walk across the street كوچىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتمەك the brid ge across the river / دەريانى كېسىپ ئۆتكەن كۆۋرۈك. ② ئۇدۇلدا، نېرىقى تەرەپتە: Theri village is across the mountain ئۇلارنىڭ يېزىسى تاغنىڭ نېرىقى تەرىپىدە. ① adv.Ⅱ توغرىسىغا كېسىپ، توغرىسىغا. ② چاپراس.

act

① n. ئىش ھەرىكەت، قىلىق. ② پەردە (دراما). ③ پەرمان: ئەمر-پەرمان ①v.Ⅱ ھەرىكەت قىلماق، ھەرىكەتلەنمەك. ② ئىشلىمەك (ماشىنا). ③ رول ئالماق.

acting

adj.Ⅰ مۇۋەققەت.① n.Ⅱ (ئۇسسۇل) ئويناش ماھارىتى، رول ئېلىش ماھارىتى.②ئويناش، ئورۇنلاش (ئويۇن).

action

① n. رول. ② ھەرىكەت، ئىش ھەرىكەت. ③ قىلىق. ④ جەڭ، ئۇرۇش.

active

① adj. پائال، جانلىق. ② ئاكتىپ؛ غەيرەتلىك.

activist

n. ئاكتىپ، ئاكتىپلار.

activity

① n. پائالىيەت، پائالىيەتچانلىق، ھەرىكەتچانلىق. ② جانلىنىش.

actor

n. ئەر ئارتىس.

actress

n. ئايال ئارتىس.

actual

adj. رېئال، ئەمەلىي، راست؛ ھەقىقىي.

actually

adv. ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي، راست.

AD

(لاتىن تىلىدىكى Anno Domini نىڭ قىسقارتىلمىسى) مىلادى (in the year of the Lord )

adapt

① v. ماسلاشتۇرماق؛ مۇۋاپىقلاشتۇرماق. ② ئۆزگەرتىپ تۈزىمەك؛ تۈزۈتۈپ يازماق.

add

① v. قوشماق، ئارتتۇرماق. ② تولۇقلىماق (ئېغىزدا ياكى يېزىپ).

addition

① n. قوشۇمچە. ② قوشۇش، قوشۇش ئەمىلى: in addition to... نى قوشقاندا.

additional

① adj. قوشۇمچە. ② ئوشۇقچە، نورمىدىن سىرت.

address

n.Ⅰ ئادرېس. ② نۇتۇق.① v.Ⅱ ئادرېس يازماق. ② ...-غا، -قا، -گە،-كە نۇتۇق سۆزلىمەك.

adequate

① adj. يېتەرلىك. ② مۇۋاپىق.

adhere

① v. يېپىشماق، يېپىشىۋالماق، چاپلاشماق، چاپلىشىۋالماق. ② چىڭ تۇرماق؛ قەتئىي داۋاملاشتۇرماق.

adj

. adjective.

adjacent

adj. يېقىن، يانداش.

adjective

n. <گرامماتىكا> سۈپەت.

adjoin

v. تۇتاشماق، چېگرىلانماق.

adjourn

v. مۇددەتنى سوزماق، ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەك.

adjust

① v. تەڭشىمەك، مۇۋاپىقلاشتۇرماق. ② توغرىلىماق، تۈزەتمەك. ③ ئويغۇنلاشتۇرماق.

ADM

Admiral.

administration

① n. باشقۇرۇش، ئىگىلىك باشقۇرۇش. ② باشقارما؛ مەمۇرىيەت.

admiral

n. ئادمىرال (دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى).

admiration

n. ياقتۇرۇش، ھەۋەس قىلىش، قايىل بولۇش.

admire

① v. لەززەتلەنمەك، زوقلانماق، ھۇزۇرلانماق، شاتلانماق. ② ماختىماق، تەرىپلىمەك، مەدھىيىلىمەك. ③ قايىل بولماق. ④ ياخشى كۆرمەك، ياراتماق، كۆڭلى چۈشمەك.

admission

① n. ئېتىراپ قىلىش، ئىقرار قىلىش. ② يول قويۇش، رۇخسەت قىلىش (مەيدان، مەكتەپ، يىغىن مەيدانى قاتارلىقلارغا كىرىشكە). ③ قوبۇل قىلىش (بىرەر تەشكىلاتقا).

admit

① v. ئېتىراپ قىلماق، ئىقرار قىلماق. ② يول قويماق، رۇخسەت قىلماق (مەيدان، مەكتەپ قاتارلىقلاغا كىرىشكە). ③ قوبۇل قىلماق (بىرەر تەشكىلاتقا).

adopt

① v. بېقىۋالماق (باشقىلارنىڭ بالىسىنى). ② قوبۇل قىلماق؛ قوللانماق.

adoption

① n. ئىشلىتىش، پايدىلىنىش. ② بېقىۋېلىش (باشقىلارنىڭ بالىسىنى).

adore

① v. چوقۇنماق. ② قەدىرلىمەك.

adorn

v. زىننەتلىمەك، ياسىماق، بېزىمەك.

adult

adj.Ⅰ ياش قۇرامىغا يەتكەن، يېتىلگەن.n.Ⅱ ياش قۇرامىغا يەتكەن ئادەم، يېتىلگەن ئادەم.

adv.

adverb.

advance

① v.Ⅰ ئالغا باسماق، ئىلگىرىلىمەك؛ يۈكسەلمەك. ② ئۆرلىمەك (باھا)، ئۆسمەك (مەرتىۋە). ① n. Ⅱ ئالغا بېسىش، ئىلگىرىلەش. ②ئۆرلەش، ئۆسۈش (باھا، مائاش قاتارلىقلار).

advanced

① adj. ئىلغار؛ ئالدىنقى قاتاردىكى. ② ئالىي؛ يۇقىرى دەرىجىلىك؛ ③ تولۇق.

advantage

① n. پايدا؛ مەنپەئەت. ② ئەۋزەللىك؛ ئالاھىدىلىك.

adventure

n. تەۋەككۈلچىلىك قىلىش؛ تەۋەككۈل قىلىش. ② سەرگۈزەشت. ③ غەلىتە؛ غەلىتە سۆزلەر. ④ تۇيۇقسىز يولۇقۇش، ئاجايىپ ئۇچرىشىش. ⑤ تەۋەككۈلچى.

adventurism

n. تەۋەككۈلچىلىك.

adverb

n. <گرامماتىكا> رەۋىش.

adverbial

adj.Ⅰ <گرامماتىكا> ① رەۋىش بولۇپ كېلىدىغان. ② ھالەت؛ ھالەت بولۇپ كېلىدىغان. n.Ⅱ <گرامماتىكا> ھالەت.

adverse

①adj. پايدىسىز؛ قولايسىز. ② زىيانلىق.

advertise

① v. ئېلان چىقارماق. ② ئوقتۇرماق.

advertisement

n. ئېلان، ئېلان قىلىش.

advice

① n. نەسىھەت، پەند-نەسىھەت. ② تەكلىپ؛ تەۋسىيە.

advisable

adj. مۇۋاپىق، لايىقىدا، بابىدا، لايىق.

advise

① v. نەسىھەت قىلماق، پەند-نەسىھەت قىلماق. ② تەكلىپ بەرمەك، تەۋسىيە قىلماق. ③ ئۇقتۇرماق.

adviser, advisor

n. نەسىھەتچى. ② مەسلىھەتچى.

advocate 1

① n. ئاقلىغۇچى، ئادۋوكات؛ ھىمايىچى. ② تەشۋىقاتچى، تەرغىباتچى.

advocate 2

① v. تەشەببۇس قىلماق؛ قۇۋۋەتلىمەك. ② تەرغىب قىلماق؛ داۋراڭ سالماق.

aerial

n.Ⅰ ئانتېننا (ئەنگلىيىدە).adj.Ⅱ ھاۋانىڭ؛ ھاۋادىكى.

aerobatics

ماھارەتلىك ئۇچۇش، ھاۋا بوشلىقىدا ماھارەت كۆرسىتىش

aerodrome

n.ئايرودروم.

aeroplane

ئايروپىلان.

aeroport

n. ئايروپىلان ئىستانسىسى.

afar

adj. يىراق؛ يىراققا؛ يىراقتا؛ يىراقتىكى؛ يىراقتىن.

affair

①!n. ئىش؛ ۋەقە. ② خىزمەت. ③ لاۋازىمەت ئىشلىرى.

affect 1

① v. تەسىر كۆرسەتمەك، تەسىر قىلماق؛ تەسىر قوزغىماق. ② يۇقۇملانماق. ③ ھايجانلاندۇرماق.

affect 2

v. مۇغەمبەرلىك قىلماق. ② ھەۋەس قىلماق؛ خۇشتار بولماق.

affection 1

n. مۇھەببەت؛ مېھىر-مۇھەببەت.

affection 2

n. كېسەل؛ ئاغرىق.

affectionate

adj. مېھرىبان؛ سۆيۈملۈك.

affinity

① n. قويۇق مۇناسىۋەت، يېقىن مۇناسىۋەت. ② قۇدىلىق مۇناسىۋىتى. ③ جەلپ قىلىش كۈچى.

affirm

v. مۇئەييەنلەشتۈرمەك؛ ئۈزۈپ ئېيتماق. ② تونۇماق؛ ئېتىراپ قىلماق؛ تەستىقلىماق؛ ئىسپاتلىماق.

affirmative

adj. <گرامماتىكا> بولۇشلۇق.

affix

n. <گرامماتىكا> سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە.

afflict

v. ئازابلانماق؛ باش قاتۇرماق.

afford

① v. (can ياكى be able to بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ) ...-نى سېتىۋېلىشقا قۇدرىتى يەتمەك...-گە بەرداشلىق بېرىلمەك. ② ئىشلەپچىقارماق. ③ تەمىنلىمەك، قامدىماق.

afraid

adv قورققان؛ قورقىدىغان؛ ئەندىشە؛ be afraid of قورقماق؛ ئەندىشە قىلماق / He is not afraid of any fifficulties. ئۇ ھېچقانداق قىيىنچىلىقتىن قورقمايدۇ.

African

① adj.Ⅰ ئافرىقىچە؛ ئافرىقىلىقچە؛ ئافرىقىنىڭ. n.Ⅱ ئافرىقىلىق.

after

① prep.Ⅰ (ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ) ...-دىن كېيىن: after liberation ئازادلىقتىن كېيىن. ② (تەرتىپ ياكى ئورۇننى كۆرسىتىدۇ)... -نىڭ ئارقىسىدا؛ ...-نىڭ كەينىدە: one after another كەينى-كەينىدىن، بىر-بىرلەپ day after day/ كۈندىن- كۈنگە. adv.Ⅱ كېيىن؛ ئارقىسىدا. conj.Ⅲ كېيىن؛ ...دىن كېيىن he went to Peking. After he finished middle school ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بېيجىڭگە كەتكەن.

afternoon

n. چۈشتىن كېيىن.

afterward(s)

adv. كېيىن.

again

adv. تەكرار؛ يەنە؛ قايتا، قايتىدىن؛ يېڭىۋاشتىن، باشقىدىن.

against

① prep. قارشى، قارشى تۇرۇش. ② ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، تېگىپ كېتىش؛ تايىنىش، يۆلىنىش. ③ مۇداپىئەلىنىش.

age

① n.Ⅰ ياش، ياش-قۇرام. ② ئۆمۈر. ③ يىل. ④ دەۋر، زامان، چاغ. v.Ⅱ ياشىنىپ قالماق. قېرىماق، قېرىتماق.

agency

① n. مۇۋەققەت. ② ئورگان، ئاپپارات، رول.

agenda

n. كۈن تەرتىپ، قىلىنىدىغان ئىش.

agent

① n. ئاگېنت، گۇماشتا، ۋەكىل. ② سېتىقچى. ③ پەۋقۇلئاددە خادىم.

aggravate

v.ئېغىرلاشماق. ② ئوغىسىنى قايناتماق، غەزەپلەندۈرمەك.

aggression

n. تاجاۋۇز قىلىش.

aggressive

تاجاۋۇز قىلغان، تاجاۋۇز قىلىنغان

aggressor

n. تاجاۋۇزچى.

ago

adv. بۇرۇن، ئىلگىرى، ئاۋۋال، مۇقەددەم.

agony

n. ئازاب، ئازاب-ئوقۇبەت.

agree

① v. (to بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ)قوشۇلماق (پىلانغا). ②(on بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ) پىكرى بىردەك بولماق (مەلۇم ئىشقا نىسبەتەن). ③ (with بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ) قوشۇلماق؛ ماقۇل كۆرمەك (مەلۇم كىشىنىڭ پىكرىگە).

agreeable

① adj. خۇشاللىنارلىق. ② قانائەتلىنەرلىك. ③ مۇۋاپىق.

agreement

①n. بىردەك. ② قوشۇلۇش؛ رازى بولۇش، رازىلىق بىلدۈرۈش. ③ پۈتۈم، كېلىشىم، شەرتنامە.

agricultural

adj. يېزا ئىگىلىكى، دېھقانچىلىق.

agriculture

①n.يېزا ئىگىلىكى؛ دېھقانچىلىق؛ دېھقانچىلىق تېخنىكىسى، تېرىقچىلىق تېخنىكىسى.

ah

int. ھەي، ئاھ، ۋاھ، ھە (ئۈندەش سۆز بولۇپ، خۇشاللىق، ھەيران قېلىش، مەنسىتمەسلىك ياكى ئازابلىنىش قاتارلىقلارنى بىلدۈرىدۇ).

ahead

adj.adv ئالدىغا؛ ئالدىدا. ئالدىغا قاراپ. ② ئالدىنئالا.

aid

n.Ⅰ ياردەم. v.Ⅱ ياردەملەشمەك، ياردەم بەرمەك.

aim

① v.Ⅰ چەنلىمەك. نىشانلىماق، قارىغا ئالماق، توغرىلىماق مۆلچەرلىمەك. ② ...-گە نىيەت قىلماق. ① n/Ⅱ چەنلەش. ② مەقسەت، نىشان. ③ ئارزۇ، ئىستەك، ئىرادە.

air

① n.Ⅰ ھاۋا، ئاتموسفېرا. ② سالاپەت، تۇرۇق، قىياپەت، ئەلپاز، مۇئامىلە. ③ كۈي، ئاھاڭ.① v.Ⅱ قاقلىماق، قاقلاپ قۇرۇتماق، شامالداتماق، شامالدىتىپ قۇرۇتماق. ② بايان قىلماق.

air-raid

n. ھاۋا ھۇجۇمى.

aircraft

n. (بىرلىك شەكلى بىلەن كۆپلۈك شەكلى ئوخشاش) ① ھاۋا قاتناش قوراللىرى. ② ئايروپىلان. ③ دىرىژابىل.

aircraft carrier

n. ئاۋىئاماتكا.

airdrome n.

aerodrome.

airfield

n. ئايرودروم.

airliner

.نۆۋەتچى ئايروپىلان، يولۇچىلار ئايروپىلانى.

airplane

n. ئايروپىلان.

airport

n. ئاۋىئاتسىيە ئىستانسىسى.

airship

n. دىرىژابىل.

airtight

adj. ھاۋا كىرمەيدىغان؛ ھىم.

airy

①adj. ھاۋا ئۆتۈشىدىغان. ② ھاۋادىكى؛ ھاۋانىڭ. ③ مەنىسىز، ئەھمىيەتسىز. ④ تېتىك؛ جانلىق، خۇشال.

aisle

n. كارىدور، يول.

alarm

① n.Ⅰ ترېۋوگا. ② گۈدۈك. ③ تەمتىرەش. ① v.Ⅱ ئەنسىرەتمەك؛ ئەنسىزلىككە سالماق، دەككە-دۈككىگە سالماق. ② سىگنال بەرمەك.

album

n. ئەلبۇم.

alcohol

① n. ئىسپىرت، ئېتانول. ② ئىسپىرتلىق، ئالكوگول، ھاراق.

algebra

n. <ماتېماتىكا> ئالگېبرا.

alight 1

① adj. كۆيۈپ تۇرغان، كۆيۈۋاتقان. ② پارقىراق؛ يورۇپ تۇرغان، يورۇق.

alight 2

① v. چۈشمەك (ئات، ماشىنا، ئايروپىلان قاتارلىقلاردىن). ② يەرگە چۈشمەك.

alignment

① n. تۈز سەپ، تۈز قاتار، تۈز رەت. ② ئىتتىپاق تۈزۈش.

alike

adj.adv. ئوخشاش، ئوخشايدىغان، ئوخشاپ كېتىدىغان.

alive

① adj. ھايات، تىرىك، ياشاۋاتقان. ② جانلىق.

alkaline

adj. ئىشقارلىق، شورلۇق.

all

adj.Ⅰ بارلىق، ھەممە، پۈتۈن، بارچەpron.Ⅱ بارلىق، ھەممە، پۈتۈن، بارچە، تامامەن، پۈتكۈل.adj.Ⅲ ئىنتايىن؛ پۈتۈنلەي.

allegiance

n. ساداقەت، سادىق.

alley

n. كوچا، تار كوچا.

alliance

n. ئىتتىپاق؛ بىرلەشمە.

allocate

v.تەقسىم قىلماق، بۆلۈپ بەرمەك، ئاجرىتىپ بەرمەك.

allot

تەقسىمات، تەقسىم قىلماق، بۆلۈپ بەرمەك.

allow

① v. رۇخسەت قىلماق، يول قويماق، ئىجازەت بەرمەك، رازىلىق بىلدۈرمەك. ② ئېتىراپ قىلماق.

alloy 1

v. قېتىشماق، قاتماق.

alloy 2

n. قېتىشماق، ئارىلاشما.

allude

v. ئىشارەت قىلماق، بىشارەت بەرمەك.

ally

v.Ⅰ بىرلەشمەك، ئىتتىپاقلاشماق.① n.Ⅱ ئىتتىپاقداش، ئىتتىپاقچى. ② ... بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەت.

almighty

adj. ھەممىگە قادىر، ھەممىنى قىلالايدىغان.

almost

adv. دېيەرلىك، تاس-تاس... .

alms

① n. سەدىقە. ② قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى.

alone

① adj & adv. يالغۇز، يەككە، يەككە-يېگانە. ② ئۆز ئالدىغا، مۇستەقىل، ياردەمسىز. ③ پەقەت، پەقەتلا.

along

① adv.Ⅰ ئالغا، ئالدى تەرەپكە. ② بىرگە، بىرلىكتە؛ Come along (with me). كېلىڭ! بويلاپ، prep.Ⅱ ياقىلاپ: along the river دەريا بويلاپ.

alongside

adv.& adj. ...-نى بويلاپ.

aloud

adv. ئۈنلۈك، ۋارقىراپ؛ توۋلاپ.

alphabet

n.ئېلىپبە، ئالفاۋىت.

already

adv. ئاللىقاچان.

also

adv. ...-مۇ؛ بىردەك، ئوخشاش: no only... but also ... بولۇپلا قالماي بەلكى... .

altar

n. مېھراب (چېركاۋنىڭ).

alter

v. ئۆزگەرمەك، ئۆزگەرتمەك، تۈزىمەك، تۈزەتمەك.

alternate 1

v. ئالماشماق، ئالماشتۇرماق، نۆۋەتلەشمەك، نۆۋەتلەشتۈرمەك.

alternate 2

① adj. نۆۋەت بىلەن، ئارىلاپ. ② تەييارلىق. كاندىدات.

alternative

① adj. بىرسى تاللىنىدىغان. (ئىككىنىڭ ئىچىدىن). ② تاللاش خاراكتېرلىك.

although

① conj. تەقدىردىمۇ، گەرچە. ② ...-گە قارىماي، ھەتتا.

altitude

① n. ئېگىزلىك، يۇقىرىلىق. ② دېڭىز يۈزىدىن... ئېگىز.

altogehter

adv. پۈتۈنلەي، تامامەن.

aluminium

n. ئاليۇمىن <خېمىيە>.

always

① adv. ھەمىشە، ھامان، دائىم، ھەرقاچان، ھەر زامان. ② باشتىن-ئاياغ، مەڭگۈ.

am

v.→ be

AM,a.m,

(لاتىن تىلىدىكى ante meridiem نىڭ قىسقارتىلمىسى) چۈشتىن بۇرۇن.

amateur

n. (ئىشتىن سىرتقى) ھەۋەسكار، ھەۋەسمەن.

amateurish

① adj. ئىشتىن سىرتقى، ئىشتىن تاشقىرى. ② پىشمىغان. مەلىكىسىز.

amaze

① v. ھەيران قالدۇرماق، ھەيرەتتە قالدۇرماق، چۆچۈتمەك.

amazement

n. ھەيران، ھەيران بولۇش، ھەيران قېلىش.

amazing

adj. ھەيران قالغۇدەك، ھەيرەتتە قالغۇدەك، ھەيران قالدۇرغۇدەك.

ambassador

n. ئەلچى.

amber

n.Ⅰ كەھرىۋا، كەھرىۋارەڭ.adj.Ⅱ كەھرىۋادىن ياسالغان، كەھرىۋا رەڭلىك.

ambition

① n. شۆھرەتپەرەسلىك، قۇرۇق ئارزۇ، تەمە. ② ئىنتىلىش؛ ئارزۇ قىلىش. ③ ئارزۇ، ئىستەك، غايە، ئىرادە.

ambitious

① adj. بۈيۈك ئىرادىلىك، ئۇلۇغۋار ئىرادىلىك. ② قارا نىيەتلىك.

ambulance

① n. قۇتقۇزۇش ماشىنىسى. ② قۇتقۇزۇش كېمىسى. ③ قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى.

amend

v. تۈزەتمەك، تۈزىمەك، تۈزىتىش كىرگۈزمەك.

amendment

① n. تۈزىتىش، ئۆزگەرتىش. ② ئۆزگەرتىش لايىھىسى.

American

① adj.Ⅰ ئامېرىكا قىتئەسىچە.② ئامېرىكىچە، ئامېرىكىلىقچە، ئامېرىكىغا ئائىت. ③ ئامېرىكىنىڭ. n.Ⅱ ئامېرىكىلىق؛ ئامېرىكا قىتئەلىك.

amid

prep. ... ئىچىدە، ... ئارا، ئوتتۇرىدا.

amidst

prep. amid

among

prep. ...نىڭ ئوتتۇرىسدا، ... نىڭ ئارىسىدا، ... نىڭ ئىچىدە.

amongst

prep.→among.

amount

v.Ⅰ جەملىمەك، قوشۇپ ھېسابلىماق.② ئوخشاش بولماق، باراۋەر بولماق.

ampere

n. ئامپېر <ئېلېكتر>.

ample

①adj. تولۇق، يېتەرلىك. ② مول، كەڭتاشا.

amuse

① v. كۈلدۈرمەك. ② خۇشاللاندۇرماق، خۇشال قىلماق؛ كۆڭلىنى ئالماق.

amusement

n. كۆڭۈل ئېچىش، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش.

amusing

adj. قىزىق؛ كۈلكىلىك.

an

indef.art.→ a.

analysis

n. تەھلىل قىلىش، ئانالىز قىلىش.

analyze, analyze

v. تەھلىل قىلماق، ئانالىز قىلماق.

anarchism

n. ھۆكۈمەتسىزلىك، ئانارخىزم.

ancestor

n. ئانا-بوۋا، ئەجداد.

anchor

n.Ⅰ لەڭگەر.v.Ⅱ لەڭگەر تاشلىماق.

ancient

adj. قەدىمكى، قەدىمىي.

and

① conj. ۋە، ھەم، بىلەن. ② يەنە، شۇنداقلا، يەنە كېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە. and the like and so on (forth) ۋە باشقىلار، ۋەھاكازا، قاتارلىقلار and then / ئاندىن كېيىن، شۇنىڭ بىلەن.

anecdote

① n. رەسمىي تارىخقا يېزىپ قالدۇرۇلمىغان ۋەقە. ② قىزىق خەۋەر.

anew

① adj. يېڭىدىن، يېڭىۋاشتىن، قايتىدىن. ② باشقىدىن، يەنە، قايتا.

angel

① n. پەرىشتە. ② پەرىشتە سۈپەتلىك ئادەم.

anger

n.Ⅰ ئاچچىق، غەزەپ.v.Ⅱ ئاچچىقىنى كەلتۈرمەك، ئوغىسىنى ئۆرلەتمەك، غەزىپىنى قوزغىماق.

angish

n. قاتتىق ئازاب، دەرد-ئەلەم، غەم-قايغۇ.

angle

n.Ⅰ بۇلۇڭ، بۇرجەك.v.Ⅱ بېلىق تۇتماق.

angry

adj. غەزەپلەنگەن، دەرغەزەپ بولغان، خاپا: be angry with خاپا بولماق.

animal

n. ھايۋانات، ھايۋان، ئۆي ھايۋانلىرى.

ankle

n. ئوشۇق.

annex

① v. قوشماق، قوشۇمچە قىلماق. ② بىرلەشمەك، بىرلەشتۈرمەك.

annexe, annex

n. قوشۇمچە: قوشۇمچە ماتېرىيال.

anniversary

n. خاتىرىلەش كۈنى (يىل توشقانلىقىنى).

announce

① v. ئوقتۇرماق، ئېلان قىلماق، خەۋەر قىلماق.

announcement

n. ئۇقتۇرۇش، ئېلان، خەۋەر.

announcer

n. دىكتور، ئېلان قىلغۇچى.

annoy

v. ئاچچىقىنى كەلتۈرمەك، چىشىغا تەگمەك.

annual

adj. ھەر يىللىق، يىللىق.

another

① adj.Ⅰ باشقا بىر، يەنە بىر. ② باشقا، ئوخشىمايدىغان. pron.Ⅱ باشقا (ئادەم، نەرسە).

answer

① v.Ⅰ جاۋاب بەرمەك، جاۋاب قايتۇرماق. ② ئۇيغۇن كەلمەك، ماس كەلمەك. ③ ئاۋاز قوشماق.n.Ⅱ جاۋاب.

ant

n. چۈمۈلە.

antagonism

ئانتاگونىزم، قارىمۇ قارشىلىق.

Antarctica

n. جەنۇبىي قۇتۇپ.

antecedent

n. <گرامماتىكا> باشلامچى سۆز.

anti-colonial

adj. مۇستەملىكىچىلىككە قارشى.

anti-imperialist

adj. جاھانگىرلىككە قارشى.

antique

adj.Ⅰ قەدىمكى، كونا.n.Ⅱ ئاسارئەتىقە، قەدىمكى ئەسۋاب-سايمانلار.

antiseptic

adj.Ⅰ چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، باكتېرىيە ئۆلتۈرىدىغان. n.Ⅱ چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى، باكتېرىيە ئۆلتۈرگۈچى دورىلار.

antonym

n. <گرامماتىكا> قارشى مەنىلىك سۆز.

anvil

n. سەندەل.

anxiety

① n. ئەندىشە، ئەنسىرەش، ۋەزىمە. ② ئەنسىرەيدىغان ئىش. ③ تەشنالىق، ئىنتىزارلىق.

anxious

① adj. تەشۋىش، ئەنسىزلىك. ناتىنچ، غەمكىن. ② ئالدىراش. ③ ئىنتىزارلىق، تەشنالىق.

any

① adj.&pron. ھەرقانداق، ھېچ. ② بىر ئاز. ③ بەزى.

anybody

① pron. بىراۋ، بىر كىم: Did you see anybody there? سەن ئۇ يەردە بىرەرسىنى كۆردۈڭمۇ؟ ② مەيلى كىم بولمىسۇن، ھېچكىم.

anyhow

① adj. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر. ② قىسقىسى، گەپنىڭ قىسقىسى. ③ ھەر ئېھتىمالغا قارشى.

anyone

pron.→anybody.

anything

① pron. ھەرقانداق ئىش، بىرەر ئىش. ② ھەرقانداق نەرسە، بىرەر نەرسە. ③ نېمىلا بولمىسۇن.

anyway

adv.→anyhow.

anywhere

adj. قانداقلا جايدا بولمىسۇن، مەيلى قەيەردىلا بولمىسۇن، قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر.

apart

① adv.ئايرىم-ئايرىم، بۆلەك-بۆلەك. ② بۆلەك، باشقا. ③ ئاجرالغان ھالدا، ئايرىلغان ھالدا، بۆلۈنگەن ھالدا.

apartment

n. بىنا.

ape

n.Ⅰ ئادەمسىمان مايمۇن، ئورانگوتان.v.Ⅱ دورىماق، تەقلىد قىلماق، ئۈلگە ئالماق.

apiece

adv. ھەر بىر.

apolaud

① v. چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىماق. ② قۇۋۋەتلىمەك، ئالقىشلىماق.

apologize

v. كەچۈرۈم سورىماق، ئۆزرىخاھلىق ئېيتماق.

apostrophe

n. ئاجرىتىش بەلگىسى قىسقارتىش بەلگىسى .

apparatus

① n. ئەسۋاب. ② ئاپپارات، ئۈسكۈنە، جاھاز. ② <ئاناتومىيە> ئەزا، ئورگان.

apparent

① adj. ئېنىق، ئوچۇق، ئاشكارا. ② يۈزەكى، كۆرۈنۈشتىكى.

apparently

adv. ئوچۇق، روشەن.

appeal

① v.Ⅰ ئىلتىماس قىلماق، ئۆتۈنمەك، مۇراجىئەت قىلماق. ② نارازىلىق بىلدۈرمەك. ① n.Ⅱ تەلەپ، مۇراجىئەت؛ خىتاب. ② جەلپ قىلىش.

appear

① v. پەيدا بولماق، كۆرۈنمەك، بىلىنمەك، نامايان بولماق. ② ئوخشىماق.

appearance

① n. پەيدا بولۇش. ② تاشقى كۆرۈنۈش، تاشقى قىياپەت. ③ ھادىسە، ئەھۋال.

appendix

① n. ئىلاۋە، قوش−ۇم−چە (ئەسەر ۋە ماقال−ىلەردە). ② سازاڭسىمان ئۆسۈكچە.

appetite

n. ئىشتىھا، نەپىس.

applause

① n. ئالقىش. ② چاۋاك چېلىپ قارشى ئېلىش. ③ بارىكاللا ئېيتىش. ④ مەدھىيىلەش.

apple

① n. ئالما، ئالما دەرىخى.

application

① n. ئىلتىماسنامە، ئۆتۈنۈش خېتى ② قوللىنىش. ③ كۆڭۈل قويۇش. ④ تىرىشىش.

apply

① v. مۇراجىئەت قىلماق، سورىماق، ئىلتىماس قىلماق، تەلەپ قىلماق. ② ئۇيغۇن كەلمەك، مۇناسىپ كەلمەك، قوللانماق.

appoint

① v. بەلگىلىمەك (ئورۇن ياكى ۋاقىتنى)؛ ئۇچراشماق. ② تاللىماق؛ تەيىنلىمەك.

appointment

① n. تەيىنلەش؛ بەلگىلەش. ② ئۇچرىشىش.

appreciate

① v. ئەھمىيەت بەرمەك، دىققەت ئېتىبار بىلەن قارىماق. ② زوقلانماق؛ باھالىماق. ③ مىننەتدار بولماق، تەشەككۈر ئېيتماق (بىرەر ئىش ئۈچۈن).

appreciation

① n. باھالاش. ② قەدىرلەش، مىننەتدار بولۇش. ③ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش. ④ ئۆرلەش (باھا)؛ قىممەتلىشش.

apprentice

n.Ⅰ شاگىرت.v.Ⅱ شاگىرت بولماق، شاگىرتلىققا كىرمەك.

approach

v.Ⅰ يېقىنلاشماق، يېقىنلىشىپ قالماق. ① n.Ⅱ يېقىنلىشىش. ② يول. ③ ئۇسۇل.

appropriate 1

adj. مۇۋاپىق، لايىق؛ مۇناسىپ؛ تېگىشلىك.

appropriate 2

① v. ئاجرىتىپ بەرمەك (پۇلنى). ② ئىگىلىۋالماق، بۇلىماق، بۇلاپ ئالماق.

approval

① n. ماقۇللۇق، ماقۇل كۆرۈش، قوشۇلۇش. ② ماقۇللاش.

approve

v. تەستىقلىماق؛ ماقۇللىماق.

approximate

adj.Ⅰ يېقىن؛ يېقىنلىشىدىغان. v.Ⅱ يېقىنلاشماق؛ يېقىنلاشتۇرماق.

approximately

adv. تەخمىنەن.

Apr.

April.

apricot

① n. ئۆرۈك. ② ئۆرۈك دەرىخى. ③ مېغىز رەڭ.

April

n. ئاپرېل.

apron

n. پەرتۇق.

apt

① adj. مۇۋاپىق؛ ئۇيغۇن. ② مۇمكىن بولغان.

Arab

n.Ⅰئەرەب.adj.Ⅱ ئەرەبچە. ئەرەبنىڭ.

Arabian

① adj.Ⅰ ئەرەبچە. ② ئەرەبلەرنىڭ. n.Ⅱ ئەرەب.

arbitrary

adj. ئۆز بېشىمچىلىق، ئۆزۈمچىلىك؛ مەنمەنلىك.

arc

① n. <ماتېماتىكا> ياي. ② يايسىمان نۇر؛ ئېلېكتر يايى.

arch

① n. ئەگمە، ئارك. ② ئەگمەچ نەرسىلەر.

archbishop

n. باش ئېپىسكوپ (خرىستىئان دىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك روھانىيىسى).

architect

n. ئارخىتېكتور. بىناكار.

architecture

① n. ئارخىتېكتورا، بىناكارلىق ئىلمى. ② قۇرۇلما.

arctic

adj.Ⅰ شىمالىي قۇتۇپلۇق؛ شىمالىي قۇتۇپچە، شىمالىي قۇتۇپنىڭ. n.Ⅱ شىمالىي قۇتۇپ.

are

be v. نىڭ ئىككىنچى شەخس بىرلىك شەكلى ۋە ھەرقايسى شەخس كۆپلۈكلىرىنىڭ ھازىرقى زامان شەكلى.

area

① n. كۆلەم، يەر مەيدانى. ② جاي؛ رايون.

aren’t

are not.

aren’t

are not.

arena

① n. مەيدان؛ جەڭ مەيدانى. ② سەھنە.

argue

v. مۇنازىرە قىلماق، مۇنازىرلەشمەك، تالاش-تارتىش قىلماق.

argument

① n. مۇنازىرە، بەس-مۇنازىرە، تالاش-تارتىش. ② ئاساس، دەلىل.

arise

arose v.، ( arise n ① كۆتۈرۈلمەك، ئۆرلىمەك؛ چىقماق. ② تۇغۇلماق (مەسىلە). ③ (شامال) چىقماق. ④ (تۇمان) پەيدا بولماق.

arisen

v.→arise.

aristocracy

① n. ئاقسۆڭەكلەر سىياسىتى. ② ئاقسۆڭەكلەر. ③ ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتى.

arithmetic

n. ھېساب، ئارىفمېتىكا.

arm 1

n. بىلەك.

arm 2

① n.Ⅰ (كۆپلۈك شەكىلدە كېلىدۇ) قورال، قورال-ياراغ، ئەسلىھە. ② ئەسكىرىي كۈچ. v.Ⅱقوراللانماق.

armament

① n. ھەربىي ھازىرلىق، ھەربىي تەييارلىق. ② ئېغىر قوراللار.

armo(u)r

① n. ساۋۇت ۋە دۇبۇلغا. ② قورال-ياراق؛ ئەسلىھە.

army

① n. ئارمىيە، قوشۇن. ② قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى. ③ تەشكىللەنگەن ئامما. ④ (كىشىلەر) توپى.

arose

→arise.

around

prep.Ⅰ ئۆپچۆرىسىدە، ئەتراپىدا؛ ئايلانمىسىغا؛ ئۆپچۆرىسىگە؛ ئايلىنىپ، بويلاپ:move around the earth يەر شارى ئەتراپىدا ئايلانماق. ① adv.Ⅱ ئەتراپىدا، ئۆپچۆرىسىدە؛ ئەتراپىغا، ئۆپچۆرىسىگە. ② بويلاپ: look around ئەتراپقا قارىماق.

arouse

① v. ئويغانماق، ئويغاتماق. ② قوزغىماق؛ قوزغاتماق؛ قوزغالماق.

arrange

① v. رەتلىمەك، تەرتىپكە سالماق. ② ئورۇنلاشتۇرماق. ③ تەييارلىق كۆرمەك؛ تۈزەشتۈرمەك. ④ ياراشتۇرماق، كېلىشتۈرمەك.

arrangement

① n.رەتلەش، تەرتىپكە سېلىش. ② ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈزەشتۈرۈش. ③ تەييارلىق قىلىش؛ پىلانلاش.

array

①v.Ⅰ تەرتىپكە سالماق؛ رەتلىمەك. ② ياسانماق، پەدەزلىمەك. n.Ⅱ سەپ، رەت.

arrest

① v. قولغا ئالماق، تۇتماق. ② توسىماق، توختاتماق؛ چەكلىمەك.

arrival

n. يېتىپ بېرىش؛ يېتىپ كېلىش. ② يېتىپ كەلگۈسى.

arrive

① v. يېتىپ بارماق؛ يېتىپ كەلمەك (مەل−ۇم جايغا). ② يەتمەك، يېتىشمەك (ياش-قۇرام). ③ ئېرىشمەك، ئىگە بولماق.

arrow

① n. ئوق؛ يا ئوقى. ② كۆرس−ەتك−ۈچ بەلگ−ىسى (←).

art

① n. سەنئەت؛ گۈزەل سەنئەت؛ نەپىس سەنئەت. ② ھۈنەر، ماھارەت. ③ سۈنئىي. ④ ئويۇن؛ ئالدام خالتا. ⑤ ھىيلە، ھىيلە-مىكىر؛ نەيرەڭ.

artery

① n. <ئاناتومىيە> قىزىل تومۇر، ئارتېرىيە. ② غول لىنىيە.

article

① n. نەرسە-كېرەك؛ بۇيۇم. ② ماقالە. ③ پاراگراف. ④ ماددا. ⑤ ئارتىكل <گرامماتىكا>.

artificial

adj. سۈنئىي، ياسالما، ياسىما.

artillery

① n. توپ-زەمبىرەك. ② توپچى قىسىم.

artist

① n. سەنئەتچى، سەنئەتكار. ② ئۇستا ھۈنەرۋەن.

artistic

① adj. ئۇستىلىق. ② رەسساملىق. ③ سەنئەتچىلىك، سەنئەتچىنىڭ.

as

adv.Ⅰ شۇنچە، شۇنچىلىك، ئاشۇنداق، ئوخشاش، بىردەك: Ⅰ have as many. مەندىمۇ شۇنچىلىك بار. ① conj.Ⅱ ... -دەك، ... -غا ئوخشاش: Do as I say مەن دېگەندەك قىلغىن He is as clever as his sister./ ئۇ ھەدىسىگە ئوخشاش چېچەن. (مۇشۇ جۈملىدىكى بىرىنچى as رەۋىش، ئىككىنچى as باغلىغۇچى بولۇپ كېلىدۇ). ② ئىكەن، بولۇپ تۇرۇقلۇق، سەۋەبتىن: home as she was ill. She stayed at ئۇ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆيدە قالغانىدى. ③ شۇ پەيتتە، شۇ چاغدا، شۇ ۋاقىتتا: looking for him He appeared as we were بىز ئۇنى ئىزدەۋاتقىنىمىزدا ئۇ پەيدا بولۇپ قالدى. ④ گەرچە، تەقدىردىمۇ: not buy it. Much as I like it, I will گەرچە ئۇنى ياخشى كۆرسەممۇ، لېكىن سېتىۋالغۇم يوق. pron.Ⅲ (such بىلەن بىرگە كېلىپ ... -غان، -قان، -گەن، -كەن، -دەك، -تەك، ... قاتارلىق دېگەنگە ئوخشاش قوشۇمچىلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ): such liquors as beer پىۋا قاتارلىق ئىچىملىكلەر/ such questions as are often asked by stedents. ئوقۇغۇچىلار دائىم سورايدىغان سوئاللار. ② (same بىلەن بىرگە ئىشلىتىلىدۇ)... بىلەن ئوخشاش ... دەك: Bees like the same oders as we do ھەسەل ھەرىسى بىز بىلەن ئوخشاش خۇش پۇراقنى ياخشى كۆرىدۇ. ③(as بىلەن بىرگە ئىشلىتىلىدۇ) ... -غان، ...-قان بارلىق: as many children as came كەلگەن بارلىق بالىلار. ④ ئۇنى، ئۇ، بۇ: He was absent, as is often the case. ئۇ كەلمىدى، بۇ دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئەھۋال. ① prep.Ⅳ ... نىڭ رولىدا، ئورنىدا، ... قىياپىتى بىلەن: work as an engineer ئىنژېنېرنىڭ ئورنىدا ئىشلىمەك. ② ... دەپ قارىماق، ... دەپ ھېسابلىماق: I regard him as a guest. مەن ئۇنى مېھمان دەپ قارايمەن. as (so) far as ...گىچە، ... كىچە: as far as I konw مېنىڭ بىلىشىمچە as for (to)/ -گە كەلگەندە، ... -گە كەلسەك، ... دىن سورىساق: as to his study ئۇنىڭ ئوقۇشىغا كەلسەك as if (though)/... دەك، خۇددى long as so) as / پەقەت، ... لا، پەقەت ...لا as well as / ھەم... ھەم... يەنە ( in order to) so as to/ ئۈچۈن، مەقسىتىدە، يولىدا.

ascend

① v. چىقماق (تاغقا). ② يۇقىرى كۆتۈرۈلمەك.

ascertain

v. چوڭقۇر ئېنىقلىماق، ئېنىقلاپ چىقماق.

ascribe

v. ...-گە مەنسۇپ بولماق، ...-گە قارىماق، ...-گە تەئەللۇق بولماق.

ash

n. (دائىم كۆپلۈك ئىشلىتىلىدۇ) كۈل.

ashamed

adj. ئۇياتلىق، نومۇسچان.

ashore

adv. قىرغاققا؛ قىرغاقتا.

Asian

adj.Ⅰئاسىيا، ئاسىياچە؛ ئاسىيانىڭ، ئاسىياغا ئائىت. n.Ⅱ ئاسىيالىق.

aside

adv. بىر چەتتە، بىر ياقتا؛ بىر ياققا، بىر تەرەپكە؛ نېرىغا.

ask

① v. سورىماق. ② تەلەپ قىلماق، ئىلتىماس قىلماق. ③ تەكلىپ قىلماق. ④ سۈرۈشتە قىلماق. ⑤ سالام ئېيتماق.

asleep

adv.& adj. ① ئۇيقۇلۇق؛ ئۇيقۇدا؛ ئۇخلاۋاتقان. ② ئۇيۇشۇپ؛ قولۇشۇپ.

aspect

① n. قىياپەت، چىراي. ② تەرەپ.

aspire

v. قىزغىن ئارزۇ قىلماق، قىزغىن ئۈمىد قىلماق، قىزغىن ئىنتىلمەك.

aspirin

n. ئاسپىرىن (دورا).

ass

① n. ئېشەك. ② ئەخمەق، كالۋا، دۆت.

assail

v. ئۇشتۇمتۇت زەربە بەرمەك، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلماق.

assassinate

v. سۇيىقەست قىلىپ ئۆلتۈرمەك، يوشۇرۇن ئۆلتۈرمەك.

assault

v.Ⅰ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلماق؛ بۆسۈپ كىرمەك. n.Ⅱ ھۇجۇم؛ تۇيۇقسىز ھۇجۇم.

assay

n. تەكشۈرۈش؛ تەھلىل قىلىش؛ ئانالىز قىلىش.

assemblage

① كىشىلەر توپى. ② قۇراشتۇرۇش.

assemble

① v. يىغماق؛ يىغىلماق؛ توپلىماق؛ توپلاشماق. ② قۇراشتۇرماق.

assembly

① n. يىغىن؛ مەجلىس. ② يىغىن مەيدانى. ③ قۇراشتۇرۇش. ④ يىغىلىش سىگنالى؛ گۈدۈك.

assert

① v. كېسىپ ئېيتماق، كەسكىن سۆزلىمەك؛ ئېلان قىلماق. ② قوغدىماق.

assess

① v. جەزملەشتۈرمەك. ② بەلگىلىمەك. ③ مۆلچەرلىمەك؛ باھالىماق.

assign

① v. بەلگىلىمەك، تەيىنلىمەك. ② چاچماق (ئادەم بېشىغا)؛ تەقسىم قىلماق (ئۆي ۋە يەرنى). ③ ۋەزىپە تەقسىم قىلماق.

assignment

① n. تەقسىم قىلىش؛ تەقسىم قىلىنىش، تەقسىمات. ② بەلگىلەنگەن ۋەزىپە، تېگىشلىك بۇرچ.

assimilate

① v. ھەزىم قىلماق، ھەزىم بولماق. ② ئاسسىمىلياتسىيە بولماق؛ ئاسسىمىلياتسىيە قىلماق.

assimilation

n. ئاسسىمىلياتسىيە، ئاسسىمىلياتسىيىلىشىش.

assist

v. ياردەملەشمەك، ياردەم بەرمەك.

assistance

n. ياردەم،ياردەم بېرىش، ياردەملىشىش.

assistant

adj.Ⅰ ھەمكار، ياردەمچى؛ مۇئاۋىن.① n.Ⅱياردەمچى، ھەمكار. ② ياردەمچى ئوقۇتقۇچى (ئائ−ىلە مەكت−ەپل−ىرىنىڭ).

associate 1

① v. بىرلەشمەك، قوشۇلماق. ② ... بىلەن باردى-كەلدى قىلىشماق؛ ئارىلاشماق. ③ ...گە بىرلەشتۈرۈپ تەسەۋۋۇر قىلماق.

associate 2

n.Ⅰ ھەمراھ؛ ئاغىنە؛ خىزمەتداش.① adj.Ⅱ شېرىك؛ ... بىلەن ئالاقىدار. ② ... گە باغلانغان. ③ ... گە بىرلەشتۈرۈپ ئويلىنىدىغان؛ ... گە بىرلەشتۈرۈپ تەسەۋۋۇر قىلىدىغان.

association

① n. بىرلەشمە؛ بىرلىشىش. ② بېرىش-كېلىش. ③ ئالاقە، ئاقىلىشىش، مۇناسىۋەت، مۇناسىۋەتلىشىش. ④ بىرىكمە؛ ئۇيۇشما. ⑤ جەمئىيەت تەشكىلاتى. ⑥ كېڭەش.

assume

① v. ئۈستىگە ئالماق، زىممىسىگە ئالماق. ② ... دەپ قارىماق... دەپ ھېسابلىماق. ③ ... دەك قىياپەتكە كىرىۋالماق.

assumption

① n. ئىگىلەش. ② ئۈستىگە ئېلىش. ③ پەرەز، قىياس. ④ ساختىلىق، يالغان قىياپەت. ⑤ ھاكاۋۇرلۇق.

assurance

① n. كاپالەت. ② ئىشەنچ؛ ئۆزىگە ئىشىنىش.

assure

① v. كاپالەتلىك قىلماق. ② جەزملەشتۈرمەك.

astonish

v. ھەيران قالدۇرماق، ھاڭ-تاڭ قالدۇرماق؛ ھەيرەتتە قالدۇرما.

astonishment

n. ھەيران قېلىش، ھاڭ-تاڭ قېلىش.

astronaut

n. ئالەم ئۇچقۇچىسى.

astronomy

n. ئاسترونومىيە. ① (ئورۇن، جاي، ۋاقىت قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ، دا، دە، تا، تە at لەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ): stand astronomy the door ئىشىك ئالدىدا تۇرماق astronomy five o’clock/ سائەت بەشتە astronomy the age of ten/ ئون ياشتا. ② (ھالەت، مەشغۇلات قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ) ... پەيتتە؛ ... ۋاقىتتا؛ ...ۋاتقاندا: astronomy work ئىشلەۋاتقاندا astronomy dinner/ تاماق يەۋەتقاندا. ③ (نىشان، مەقسەت قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ): look astronomy a map خەرىتىگە قارىماق aim astronomy the target/ نىشانغا توغرىلاپ. ④ (سۈرئەت، باھا قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ)... بويىچە؛ ... غا: dollars sell astronomy six ئالتە دوللارغا سېتىلىدۇ. ⑤ (سەۋەبنى كۆرسىتىدۇ)... سەۋەبتىن؛ ... ئۈچۈن. astronomy once ∥ شۇئان، دەرھال.

ate

v. → eat.

athlete

n. تەنھەرىكەتچى، ئىسپورتچى.

athletic

adj. ئاتلېتىكا.

atlas

n. ئاتلاس (جۇغراپىيىلىك خەرىتىلەر توپلىمى).

atmospher

① n. ئاتموسفېرا؛ ھاۋا. ② كەيپىيات.

atom

① n. ئاتوم. ② زەررە؛ زەررىچە.

atomic

① adj. ئاتوم. ② ئاتوم ئېنېرگىيىلىك.

attach

① v.... نى چاپلىماق. ② قوشۇپ قويماق. ③ تەۋە قىلىنماق (مەجھۇل دەرىجىدە ئىشلىتىلىدۇ). ④ ياخشى كۆرمەك، ياراتماق. ⑤ ئايرىلغۇسى كەلمەسلىك؛ ئايرىلىشقا كۆزى قىيماسلىق.

attack

① v.Ⅰ ھۇجۇم قىلماق، زەربە بەرمەك، ئاتاكىغا ئۆتمەك. n.Ⅱ ھۇجۇم، زەربە، ئاتاكا.

attain

① v. ئېرىشمەك. ② يەتمەك (مەقسەتكە).

attempt

① v.Ⅰ ئۇرۇنماق؛ ھەرىكەت قىلماق. ② سىناپ كۆرمەك، سىناپ باقماق. n.Ⅱ ئۇرۇنۇش

attend

① v. قاتناشماق، ھازىر بولماق. ② شۇغۇللانماق. ③ غەمخورلۇق قىلماق، ئېتىبار بەرمەك؛ خەۋەر ئالماق؛ باقماق (كېسەلنى). ④ ھەمراھ بولماق.

attendance

① n. قاتنىشىش. ② كۈتۈش؛ قاراش.

attendant

① n. كۈتكۈچى، خىزمەتكار. ② قاتناشقۇچى. ③ ھەمراھ.

attention

① n. دىققەت قىلىش، پەخەس بولۇش. ② كۆڭۈل بۆلۈش.

attentive

① adj. دىققەت قىلغان، ھوشيار بولغان؛ كۆڭۈل قويغان، بېرىلگەن. ② ئەدەبلىك، سەمىمىي؛ خۇش پېئىل.

attic

n. بالىخانا.

attire

v.Ⅰ زىننەتلىمەك؛ كىيىنمەك. ①n.Ⅱ كىيىم-كېچەك. ② ياسىنىش.

attitude

① n. پوزىتسىيە. ② ھالەت.

attorney

① n. ۋەكىل، ۋاكالەتچى؛ ۋاكالەتمەن. ② ئادۋوكات.

attract

① v. ئۆزىگە تارتماق. ② جەلپ قىلماق، مەپتۇن قىلماق، زوقىنى كەلتۈرمەك، ئېزىقتۇرماق.

attraction

① n. جەلپ قىلىش كۈچى، ئۆزىگە تارتىش كۈچى. ② كىشىنى جەلپ قىلىدىغان نەرسىلەر.

attractive

① adj. يېقىملىق. ② كۆركەم. ③ ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان.

attribute 1

① n. خۇسۇسىيەت. ② شەرتلىك بەلگە. ③ ئېنىقلىغۇچى <گرامماتىكا>.

attribute 2

v.... گە مەنسۇپ بولماق.

attributive

adj.Ⅰ <گرامماتىكا> ئېنىقلىغۇچى، n.Ⅱ <گرامماتىكا> ئېنىقلىغۇچى.

audience

① n. ئاڭلىغۇچى. ② تاماشىبىن. ③ قوبۇل قىلىش. ④ سالامغا بېرىش.

Aug

August.

augment 1

v. كېڭەيتمەك؛ كۆپەيتمەك؛ ئاشۇرماق.

augment 2

n. كېڭەيتىش؛ كۆپەيتىش؛ ئاشۇرۇش.

August

n. ئاۋغۇست.

aunt

n. چوڭ ئاپا؛ كىچىك ئاپا؛ ھامماچا؛ ھامما.

aural

① adj. قۇلاق، قۇلاقنىڭ، قۇلاققا ئائىت. ② ئاڭلاش سېزىمىگە ئائىت.

Australian

adj.Ⅰ ئاۋىسترالىيىنىڭ؛ ئاۋىسترالىيىچە. n.Ⅱ ئاۋىسترالىيىلىك.

Austrian

adj.Ⅰ ئاۋىسترالىيىنىڭ؛ ئاۋىسترىيىچە.n.Ⅱ ئاۋىسترىيىلىك.

author

① n. ئاپتور، مۇئەللىپ. ② ئاساسچى.

authority

① n. ھوقۇق؛ ھوقۇق دائىرىسى. ② ئابروي، نوپۇز.

auto

n. (جانلىق تىلدا) ئاپتوموبىل.

automatic

adj. ئاپتوماتىك.

automation

n.ئاپتوماتلىشىش؛ ئاپتوماتلاشتۇرۇش.

automobile

n. ئاپتوموبىل.

autumn

n. كۈز، كۈز پەسلى.

auxiliry

adj.Ⅰ قوشۇمچە، ياردەمچى. n. <گرامماتىكا> ياردمچى پېئىل.

avail

v.Ⅰ پايدىسى تەگمەك، ياردىمى بولماق، لازىمى بولماق. ①n.Ⅱ كېرەك، لازىم. ② مەنپەئەت، پايدا؛ ياردەم؛ نەپ. ③ پايدىسى بولۇش، ياردىمى بولۇش.

availability

n. ئۈنۈم؛ قىممەت.

available

① adj. كېرەك بولىدىغان، لازىملىق، كېرەكلىك. ② كۈچكە ئىگە. ③ ئېرىشىشكە تېگىشلىك.

Ave

Avenue,avenue.

avenge

v.... ئۈچۈن ئىنتىقام ئالماق، ... نىڭ ئۆچىنى ئالماق.

avenue

① n. چوڭ كوچا؛ داغدام يول. ② دەرەخلىك يول. ③ يول.

average

n.Ⅰ ئوتتۇرىچە؛ ئوتتۇرىچە سان؛ ئوتتۇرىچە ھېساب. ② ئادەتتىكى سۇ يۈزى. adj.Ⅱ ئوتتۇرىچە؛ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن. v.Ⅲ ئوتتۇرا ھېساب قىلماق.

avoid

v. ساقلانماق، قاچماق، خالىي بولماق.

await

v. كۈتمەك، كۈتۈپ تۇرماق، ساقلىماق.

awake

(awoke) v.Ⅰ؛ avoke، ( awake d ئويغانماق؛ ئويغاتماق.adj.Ⅱ ئويغاق؛ سەگەك؛ سەزگۈر.

awaken

v. ئويغاتماق؛ ئويغىتىپ قويماق.

award

v.Ⅰ بۇيرۇپ بەرمەك (قانۇندا).① n.Ⅱ ھۆكۈمنامە. ② مۇكاپات بۇيۇملىرى، مۇكاپات.

aware

adj. خەۋەردار.

away

① adj. نېرىغا؛ نېرىدا؛ چەتكە؛ چەتتە؛ يىراقتا؛ يىراققا، ئۇزاققا.② (پېئىللارنىڭ كەينىدە كېلىپ، شۇ پېئىللار ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكنى كۆرسىتىدۇ) كەتتى؛ كەتكەن The snow melted away قارلار ئېرىپ كەتكەنىدى. go away / كەتمەك، كېتىپ قالماق، do away with// يوقاتماق، ئۆلتۈرمەك، ئەمەلدىن قالدۇرماق far away / يىراقتا، يىراققا keep away from/ قاچماق، ساقلانماق، يىراق تۇرماق، قاچۇرماق، ساقلاندۇرماق، يىراق تۇرغۇزماق right away / دەرھال، شۇئان.

awe

n.Ⅰ تارتىنىش، ھېيىقىش.v.Ⅱ قورقۇتماق، ھېيىقتۇرماق.

awful

① adj. قورقۇنچلۇق، ۋەھىمىلىك، دەھشەتلىك. ② ناھايىتى. ③ ناھايىتى يامان؛ بەتتەر.

awhile

adv. بىردەم؛ بىر دەمدىلا.

awkward

① adj. قوپال. ② قولايسىز، ئەپسىز. ③ ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان؛ تەڭلىكتە قالدۇرىدىغان.

awoke

v.→awake

ax(e)

n. (كۆپلۈكى: axes ) پالتا.

axes

n.→axe, axis

axis

n.(كۆپلۈكى: ① axes) <مېخانىكا> ئوق. ② ئوق مەركىزى.

axle

n. ئوق، ماشىنا ئوقى.

ay(e)

int. ماقۇل؛ بولىدۇ؛ خوپ.

azure

adj.&n. ھاۋا رەڭ، ھاۋا رەڭلىك.