18 R
R,r | ئىنگلىز تىلى ئېلىپبەسىنىڭ ئون سەككىزىنچى ھەرپى |
rabbit | ①n. توشقان. ② قورقۇنچاق (ئادەم). |
race 1 | ①n.Ⅰ مۇسابىقە، يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى. ② (سۇ) تېز ئېقىم. ①v.Ⅱ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەك، يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشماق. ② ئۇچقاندەك چاپماق، تېز ئىلگىرىلىمەك. |
race 2 | ①n. مىللەت؛ نەسىل، ئۇرۇق؛ ئىرق. ② تۈر، خىل: the human race 2 ئىنسانىيەت. |
racial | adj. ئىرقىي؛ مىللىي. |
racism | n. ئىرقچىلىق. |
rack | ①n.Ⅰ جازا، يۈك-تاق جازىسى. (ۋاگونلاردىكى). ② ئوقۇر، يالاق. v.Ⅱ قىيناپ سوراق قىلماق، قىينىماق،ئازابلىماق. |
radar | رادار. |
radiant | ①adj. نۇرلۇق، پارقىراق، شانلىق، پارلاق. ② خۇش چىراي. ③ رادىئاتسىيىسى. |
radiate | ①v. تارقالماق، تارقاتماق. ② نۇر چاچماق. ③ ئىسسىقلىق چىقارماق. ④ قويۇپ بەرمەك. |
radical | ①adj.Ⅰ ئاساسىي، تۈپ، نېگىزلىك. ② <ماتېماتىكا> يىلتىز، رادىكال. n.Ⅱ <ماتېماتىكا> يىلتىز، يىلتىزلىق ئىپادە. |
radio | ①n.Ⅰ رادىئو. ② رادىئو تېلېگرامما. ③ رادىئو تېلېفون. adj.Ⅱ رادىئو، رادىئونىڭ، رادىئولۇق. |
radium | n. <خىمىيە> رادىي. |
radius | n. (radii ) رادىئۇس. |
rag | ①n. پارچە رەخت؛ ئەسكى لاتا. ② (كۆپلۈك ئىشلىتىلگەندە) كونا كىيىم، يىرتىق كىيىم. |
rage | ①n.Ⅰ غەزەپ، غەزەپلىنىش. ② قىزغىن ئۈمىد قىلماق، قىزغىن ئارزۇ قىلماق. ①v.Ⅱ غەزەپلەنمەك. ② قاتتىق پۈۋلىمەك (شامال). ② (كېسەل) ئېغىرلاشماق، ناھايىتى ئېغىرلاشماق. |
ragged | ①adj. يىرتىق، جۇل-جۇل. ② قالايمىقان، رەتسىز. ③ چالا، كەم، پۈتمىگەن (ئىش). |
rail | n.Ⅰ پەنجىرە، توسما، رېشاتكا. v.Ⅱ رېشاتكا بىلەن توسىماق، پەنجىرە بىلەن ئايرىلماق. |
railing | n. (دائىم كۆپلۈك ئىشلىتىلىدۇ) سالاسۇن، رېشاتكا، توسما، ۋادەك |
railroad | n. (ئامېرىكا تىلىدا) تۆمۈر يول. |
railway | n. (ئەنگلىيە تىلىدا) تۆمۈر يول. |
rain | n.Ⅰ يامغۇر. ①v.Ⅱ يامغۇر ياغماق. ② ئاقماق، يامغۇردەك ئاقماق. |
rainbow | n. ھەسەن-ھۈسەن. |
raincoat | n. يامغۇرلۇق، يامغۇرلۇق چاپان. |
rainy | dj. يامغۇرلۇق، يامغۇر كۆپ ياغىدىغان. |
raise | ①v.Ⅰ كۆتۈرمەك. ② تىكلىمەك، قۇرماق، سالماق. ③ قوزغىماق، تۇغدۇرماق. ④ ئوتتۇرىغا قويماق، ئېيتماق. ⑤ باقماق، تەربىيىلىمەك. ⑥ تېرىماق. ⑦ يىغماق. ⑧ چاقىرماق. ⑨ قوبۇل قىلماق.01 ئۆستۈرمەك. 11 يۇقىرى كۆتۈرمەك. 21 توختاتماق (سىگنالنى)، (ۋەزىپىسىدىن) ئېلىپ تاشلىماق. 41 خالاس بولماق، قۇتۇلماق (ئەندىشىدىن). n.Ⅱ (ئامېرىكا تىلىدا) مائاشنى ئۆستۈرۈش، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش. |
raisin | n. قۇرۇق ئۈزۈم. |
rake | n.Ⅰ تىرنا. ①v.Ⅱ تاتىلىماق، تىرنىلىماق. ② توپلىماق، يىغماق (ماتېرىيالنى). ③ <ھەربىي> ئوققا تۇتماق، ئوق ياغدۇرماق. |
rally | ①v.Ⅰ يىغماق، توپلىماق، توپلانماق. ② ئىتتىپاقلاشماق. ② ساقايماق، ئەكسىگە كەلمەك (سالامەتلىكى). ①n.Ⅱ يىغىن، توپلىنىش، مەجلىس. ② (سالامەتلىك) ئەسلىگە كېلىش. |
ram | ①n.Ⅰ قوچقار. ② خاڭ. v.Ⅱ ( ram med؛ ram med؛ ram ming) خاڭدىماق، چىڭدىماق. |
ran | v.→run. |
ranch | n. (ئامېرىكا تىلىدا) ① چوڭ تىپتىكى دېھقانچىلىق مەيدانى. ② چوڭ تىپتىكى چارۋىچىلىق مەيدانى. |
random | n. تاسادىپىي ھەرىكەت، تۇيۇقسىز ھەرىكەت. |
rang | v.→ring. |
range | ①n.Ⅰ قاتار، تىزما، تاغ تىزمىلىرى. ② قارىغا ئېتىش مەيدانى. ③ (ھايۋانات، ئۆسۈملۈك) تارقالغان جايلار، ياشاش ئورنى. ④ ئوق مۇساپىسى، ئېتىش ئارىلىقى. ⑤ دائىرە، كۆلەم. ⑥ ئوچاق، ①v.Ⅱ تىزماق، تىزىلماق. ② سەيلە قىلماق، ئايلىنىپ يۈرمەك. ③ سوزۇلماق. |
rank | ①n.Ⅰ قاتار، رەت. ② دەرىجە، ھەربىي ئۇنۋان. v.Ⅱ تىزماق، تىزىلماق، رەتلىمەك، رەتلەنمەك. |
ransom | n.Ⅰ پۇل تۆلەپ ياندۇرۇش. ①v.Ⅱ پۇل تۆلەپ ياندۇرۇۋالماق. ② پوپوزا قىلماق، قورقۇتۇپ ئېلىۋالماق. |
rap | v.Ⅰ( rap ped؛ rap ped؛ rap ping)ئاستا-ئاستا چەكمەك. بوش-بوش چەكمەك (دېرىزە، ئىشىك قاتارلىقلارنى).①n.Ⅱ ئاستا-ئاستا چېكىش، بوش-بوش چېكىش. ② تاقىلدىغان ئاۋاز. |
rape | ①n.Ⅰ بۇلاڭچىلىق، بۇلاش. ② باسقۇنچىلىق، باسقۇنچىلىق قىلىش. ①v.Ⅱ بۇلىماق، بۇلاڭچىلىق قىلماق. ② باسقۇنچىلىق قىلماق. |
rapid | ①adj.Ⅰ تېز، ئىتتىك، چەبدەس، چاققان، جىددىي. ② تىك، ئېگىز ھەم خەتەرلىك (تاغ تۈزۈلۈشى). n.Ⅱ تېز ئېقىم، ئىتتىك ئېقىم. |
rapidly | dv. تېز، چاققان، چەبدەس، ئىتتىك. |
raptue | ①n. (دائىم كۆپلۈك ئىشلىتىلىدۇ) خۇشاللىق، چەكسىز خۇشاللىق، خۇشال-خۇراملىق. ② مەپتۇن بولۇش go into raptue s‖ خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماسلىق. |
rare | ①adj. ئاجايىپ، ھەيران قالغۇدەك. ② كەم، يېتەرسىز. ③ شالاڭ. ④ (جانلىق تىلدا) ئاجايىپ ياخشى، ئىنتايىن ياخشى. |
rarely | ①dv. كەم، ناھايىتى ئاز، كەم ئۇچرايدىغان. ② ئاجايىپ، ئالاھىدە. |
rascal | ①n. لۈكچەك. ② شوخ، كەپسىز (ئەركىلىتىش مەنىسىدە). |
rash | adj. شاللاق. |
rat | n. كۈسۈتكە. |
rate | ①n.Ⅰ نىسبەت. ② باھا، نەرخ. ③ دەرىجە، سورت. ④ باج. v.Ⅱ باھالىماق، باھالانماق at any rate ‖ مەيلى قانداقلا بولمىسۇن at this rate / ئەگەر مۇشۇنداقلا (شۇنداقلا) بولسا. |
rather | ①adv. (ئىككى تەرەپنىڭ پايدا-زىيىنى سېلىشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ مەلۇم بىر تەرىپى تاللىۋېلىنغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. جۈملىلەردە كۆپىنچە than ... بىلەن بىرگە كېلىدۇ): He would rather die than yield. ئۇ ئۆلۈشكە رازىكى باش ئەگمەيدۇ. ② دۇرۇس. ③ خېلى، ئاز-پاز، سەللا: He’s rather better today. ئۇ بۈگۈن خېلى ياخشىلاندى. This one is rather too large. بۇ سەللا چوڭ ئىكەن. |
ratio | n. ( ratio s) نىسبەت. |
rattle | ①v.Ⅰ (دېرىزە) غىچىزلىماق، غىچىرلاتماق. ②كاسىلدىماق، غۇتۇلدىماق، ۋاتىلدىماق.③ (ماشىنا) غوڭۇلداپ ماڭماق؛(ئادەم) شىپىلدىتىپ ماڭماق. ①n.Ⅱ غىچىرلاش، تاراقلاش. ② ئويۇنچۇق، دۇمباق. |
rave | v. ئېغىزىغا كەلگىنىنى دەۋەرمەك، ۋارقىرىماق، غەلۋە قىلماق، غوۋغا كۆتۈرمەك. |
raven 1 | v.Ⅰ توڭ قاغا adj.Ⅱ قارا، قاپ-قارا (چاچ). |
raven 2 | ①v. بۇلىماق، بۇلاڭچىلىق قىلماق. ② چاينىماي يۇتماق. |
raw | ①adj. خام، پىشمىغان: raw meat خام گۆش. ② تەجرىبىسىز؛ پىششىقلانمىغان، پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن. ③ (ھاۋا) سوغ، سالقىن، سۆرۈن. ④ تېرىسى سويۇلۇپ كەتكەن، پوستى يوق. ⑤ سانجىلىپ ئاغرىيدىغان. |
ray | n. نۇر، يورۇقلۇق، شولا. |
razor | n. ئۇستىرا. |
Rd. | road. |
reach | ①v.Ⅰچىقارماق، سۇنماق، سوزماق، سوزۇلماق(قول).②يەتمەك، يېتىپ بارماق، يېتىپ كەلمەك:to reach Peking بېيجىڭگە يېتىپ بارماق. ①n.Ⅱ چىقىرىش، سۇنۇش، سوزۇش (قول). ② يېتىپ بېرىش، يېتىپ كېلىش. ③ دائىرە. ④ ساھە. ⑤ رايون، جاي، يەر. |
react | ①v. رېئاكسىيە قىلماق، ئەكس تەسىر قىلماق. ② ئىنكاس قىلماق. ③ قارشى تۇرماق، قارشى چىقماق، قارشىلىق كۆرسەتمەك. |
reactionary | adj.Ⅰ ئەكسىيەتچىل، ئەكسىيەتچى، n.Ⅱ ئەكسىيەتچى، ئەكسىيەتچىلەر. |
reactor | n. رېئاكتور، رېئاكسىيە قازىنى: nuclear يادرو قازىنى. |
read | ①v. ئوقۇماق، كۆرمەك (كىتاب، گېزىت ۋە ژۇرنال قاتارلىقلارنى). ② ئۈنلۈك ئوقۇماق، دېكلاماتسىيە قىلماق. ③ چۈشەنمەك، چۈشەندۈرمەك. ④ كۆرسەتمەك (كۆرسىتىش ئەسۋابلىرى.) read between the lines ‖ گەپنىڭ تېگىگە يەتمەك read on / ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرماق read over / ئوقۇپ بولماق، ئوقۇپ تۈگەتمەك. |
reader | ①n. كىتابخان، مۇشتەرى. ② دەرسلىك، ئوقۇش كىتابى. |
readily | ①dv. خۇشاللىق بىلەن، شاد-خۇراملىق بىلەن. ② چەبدەس، چاققان. ③ ئاسان، ئوڭاي. |
reading | ①n. ئوقۇش، ئۈنلۈك ئوقۇش، دېكلاماتسىيە قىلىش. ② ئوقۇش كىتابى، رەسىملىك؛ تاللانما ئەسەر. ③ چۈشەنچە، چۈشەندۈرۈش. |
readingroom | n. قىرائەتخانا. |
ready | ①adj. تەييارلانغان، تەييارلىقى بولغان، تەييارلىنىپ تۇرغان، تەييارلىنىپ بولغان، تەييارلىقى پۈتكەن: Everything is ready ھەممە تەييارلىق پۈتتى. ② خالىغان، رازى بولغان، ئىختىيار قىلغان. |
real | ①adj. راست، چىن، ھەقىقىي، رېئال. ② كۆچمەس مۈلۈك، مۇقىم مۈلۈك. |
realism | n. رېئالىزم. |
reality | n. رېئاللىق، چىنلىق، ھەقىقىيلىك، ئەينەن، ئۆز ئەينى، بەئەينى. |
realization | ①n. بىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش، تەسىرات، چۈشەنچە. ② ۋۇجۇدقا چىقىرىش، ئەمەلگە ئاشۇرۇش. ③ سېتىش (مال-مۈلۈكنى). |
realize, realise | ①v. تونۇماق، بىلمەك، ئۆزلەشتۈرمەك. ② ئەمەلگە ئاشماق، ۋۇجۇدقا چىقارماق. ③ ساتماق (مال-مۈلۈكنى). |
really | dv. ھەقىقەتەن، راستتىنلا. |
realm | n. (يېزىق ۋە قانۇندا) ① خانلىق، پادىشاھلىق. ② دائىرە، ساھە. |
reap | v. ھوسۇل ئالماق، ئورۇماق. |
reaper | n. ئورما ئورىغۇچى، ئورۇش ماشىنىسى. |
rear | ①n.Ⅰ ئارقا، كەينى. ② ئارقا سەپ. adj.Ⅱ ئارقا، كەينى bring up the rear ئاخىرىدا ماڭماق. |
reason | ①n.Ⅰ سەۋەب، ۋەج. ② ئاقىلانىلىك، ئەقىل، ئىدراك، زېھىن by reason of ‖ سەۋەبتىن، تۈپەيلىدىن It stands to reason ئەقىلگە مۇۋاپىق. ①v.Ⅱ ھۆكۈم قىلماق، ئەقلىي خۇلاسە چىقارماق. ② ئايرىماق. ③ قايىل قىلماق. |
reasonable | ①adj. مۇۋاپىق، ئەقىلگە سىغىدىغان.② يوللۇق، داۋلىلىق، قائىدىلىك.③ ئادىل، ئادالەتلىك، ھەققانىي، لىللا. |
reasonably | dv. مۇۋاپىق، يوللۇق، ئادالەتلىك بىلەن، لىللالىق بىلەن. |
rebel 1 | v. ( rebel 1 led؛ rebel 1 led؛ rebel 1 ling) توپىلاڭ كۆتۈرمەك، ئىسيان كۆتۈرمەك، ئاسىيلىق قىلماق، خائىنلىق قىلماق. |
rebel 2 | n.Ⅰ توپىلاڭچى، قوزغىلاڭچى، ئىسيانچى، خائىن. adj.Ⅱ توپىلاڭ كۆتۈرگەن، ئىسيان كۆتۈرگەن، خائىنلىق قىلغان. |
rebellion | n. توپىلاڭ، قوزغىلاڭ، ئىسيان. |
rebuke | v. تەنبىھ بەرمەك، ئەيىبلىمەك، سۆكمەك. |
recall | ①v.Ⅰ چاقىرتماق، چاقىرتىپ كەتمەك. ② ئەسلىمەك، نەزەر سالماق، ئەسكە ئالماق. ③ ياندۇرۇۋالماق؛ ئەمەلدىن قالدۇرماق، ئېلىپ تاشلىماق، قايتۇرۇۋالماق؛ ئەمەلدىن قالدۇرماق، ئېلىپ تاشلىماق، قايتۇرۇۋالماق. ①n.Ⅱ چاقىرتىپ ئېلىپ كېتىش. ② ئەسلەش، نەزەر سېلىش، ئېسىگە ئېلىش. ③ ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئېلىپ تاشلاش. |
recede | ①v. چېكىنمەك، داجىماق. ② (باھا) چۈشمەك، ئەرزانلاشماق. قايتۇرۇۋالماق، ياندۇرۇۋالماق (پىكىرنى). |
receipt | ①n.Ⅰ تاپشۇرۇۋېلىش؛ ئوقۇش، بىلىش، ۋاقىپلىنىش، خەۋەردار بولۇش. ② قوبۇل قىلىش. ③ (دائىم كۆپلۈك ئىشلىتىلىدۇ) كىرىم، دارامەت. ④ تىلخەت، ھۆججەت. v.Ⅱ تىلخەت يازماق، ھۆججەت يازماق. |
receive | ①v. تاپشۇرۇۋالماق، قوبۇل قىلماق، ئالماق. ② كۈتۈۋالماق. ③ <رادىئو> تارتماق، قوبۇللىماق. |
receiver | ①n. تاپشۇرۇۋالغۇچى، قوبۇل قىلغۇچى. ② كۈتۈۋالغۇچى، ئۆتكۈزۈۋالغۇچى. ③ <رادىئو> خەۋەر ئېلىش ئاپپاراتى. رادىئو. |
recent | adj. يېقىنقى، يېقىندىن بۇيان. |
recently | dv. يېقىندىن بېرى، يېقىندىن بۇيان. |
reception | ①n. <رادىئو> تارتىش كۈچى. ② كۈتۈش، كۈتۈۋېلىش؛ قارشى ئېلىش يىغىنى، قارشى ئېلىش زىياپىتى. |
recess | ①n. دەم ئېلىش، ئارام ئېلىش، تەنەپپۇس: during the recess تەنەپپۇس ۋاقتىدا. ② ئويمان، پېتىنقى: سۈرلۈك جاي، جىمجىت مۇھىت. |
recipe | ①n.<مېدىتسىنا> رېتسېپ.② تاماق ئېتىش ئۇسۇلى. |
recitation | ①n. ياد ئوقۇش، يادلاش، ياد دېكلاماتسىيە. ② (ئامېرىكا تىلىدا) دەرس تەييارلاش. |
recite | ①v. ياد ئوقۇماق، يادلىماق، ياد دېكلاماتسىيە قىلماق. ② كۆرسەتمەك، سۆزلەپ بەرمەك، ئېيتىپ بەرمەك. |
reckless | adj. تەلۋە، تەنتەك، شاللاق. |
reckon | ①v. ھېسابلىماق، سانىماق. ② ... دەپ ھېسابلىماق، ... دەپ قارىماق reckon on ‖ يۆلەنمەك، تايانماق reckon up / جەمئىي، ھەممىسى بولۇپ. |
recognition | ①n. تونۇش، پەرق ئېتىش. ② ئېتىراپ قىلىش، ئىقرار قىلىش. |
recognize, recognise | ①v. پەرق ئەتمەك، تونۇماق. ② ئېتىراپ قىلماق، ئىقرار قىلماق. |
recommend | ①v. تونۇشتۇرماق، كۆرسەتمەك، سايلىماق. ② تەكلىپ بەرمەك، نەسىھەت قىلماق، مەسلىھەت بەرمەك. |
recommendation | ①n. تونۇشتۇرۇش، تەۋسىيە قىلىش، كۆرسىتىش. ② تونۇشتۇرۇش خېتى، تەۋسىيەنامە. ③ تەكلىپ، مەسلىھەت. |
recompense | ①v.Ⅰ جاۋاب بەرمەك، جاۋاب قايتۇرماق. ② تۆلىمەك، تۆلەپ بەرمەك. ①n.Ⅱ ھەق. ② تۆلەش، تۆلەپ بېرىش. |
reconcile | ①v. قايتىدىن ياخشىلانماق، ياراشتۇرماق، كېلىشتۈرمەك، ئەپلەشتۈرمەك. ② بىرلىككە كەلمەك، بىرلىككە كەلتۈرمەك. ③ بويسۇنماق، بويسۇندۇرماق، رازى بولماق، تەن بەرمەك. |
record 1 | ①v. خاتىرە يازماق، خاتىرىلىمەك، يازماق. ② ئۈن ئالماق. ③ <تېمپېراتۇرا> كۆرسەتمەك. |
record 2 | ①n.Ⅰ خاتىرە. ② تەرجىمىھال، كەچۈرمىش. ③ پاتېفون تەخسىسى. ④ رېكورت. adj.Ⅱ رېكورتنى بۇزغان، رېكورت ياراتقان. |
recorder | ①n. كاتىپ، خاتىرە يازغۇچى، خاتىرىلىگۈچى. ② ئۈنئالغۇ. |
recover | ①v. تاپماق، ئىزدەپ تاپماق. ② ئەسلىگە كەلمەك، ئەسلىگە كەلتۈرمەك (سالامەتلىك). ③ تۆلىمەك، قۇتقۇزماق. |
recovery | ①n. قايتۇرۇۋېلىش. ② ئەسلىگە كېلىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش (سالامەتلىك). |
rectangle | n. <ماتېماتىكا> تىك تۆتبۇلۇڭ. |
rectification | n. ئىستىل تۈزىتىش، تەرتىپكە سېلىش. |
recurrent | adj. تەكرارلىق، مەزگىللىك، دەۋر خاراكتېرلىك. |
red | ①adj.Ⅰ قىزىل. ② ئىنقىلابىي. ①n.Ⅱ قىزىل، قىزىل رەڭ. ② قىزىل كىيىم. ③ <مالىيە> قىزىل رەقەم. |
red-handed | adj. نەق، نەق مەيداندىكى. |
redeem | ①v. قايتۇرۇۋالماق، پۇل تۆلەپ ياندۇرۇۋالماق. ② (ۋەدە، مەجبۇرىيەت قاتارلىقلارنى) ئادا قىلماق، ئورۇندىماق. ③ تۆلىمەك. ④ تولدۇرماق، تولۇقلىماق. |
redouble | v. كۈچەيتمەك، ھەسسىلەنمەك، يەنە بىر قاتلىماق. |
reduce | ①v. ئازايماق، ئازايتماق، كېمەيمەك، كېمەيتمەك، پەسەيمەك، پەسەيتمەك، تۆۋەنلىمەك، تۆۋەنلەتمەك. ② مەجبۇرلىماق، مەجبۇر بولماق. ③ تۈرتكە بولماق. ④ ئۆزگەرمەك، ئۆزگەرتمەك. ⑤ قىسقارماق، قىسقارتماق. ⑥ ئەسلىگە كەلمەك، ئەسلىگە كەلتۈرمەك. ⑦ تۈرگە بۆلمەك، تۈرگە بۆلۈنمەك. |
reduction | ①n. كېمەيتىش، پەسەيتىش، پەسىيىش، ئازىيىش. ② كىچىكلىتىلگەن سۈرەت (خەرىتە). ③ <ماتېماتىكا> ئومۇمىي مەخرەج. ④ <خىمىيە> قايتىلىنىش. |
reed | ①n. <ئۆسۈملۈك> قومۇش. ② <مۇزىكا> تىل (چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ تىلى). |
reel | ①n.Ⅰ پېچەك، غالتەك (يىپ يۆگەيدىغان). ② چاق (يىپ ئېگىرىش چاقى)، يىپ ئوراش ماشىنىسى. ③ <كىنو> ئورام (لېنتا ئورامى). v.Ⅱ ئورىماق، يۆگىمەك. |
refer | v. ( refer red؛ refer red؛ refer ring) ① تاپشۇرۇپ بەرمەك، ھاۋالە قىلماق، يۇقىرىغا ھاۋالە قىلماق. ② پايدىلانماق، كۆرمەك، ئاختۇرماق. ③ تىلغا ئالماق، ئېغىزغا ئالماق. ④ ... گە باغلانماق، ... گە چېتىلماق. ⑤ ... گە مەنسۇپ بولماق، ... گە تەئەللۇق بولماق. |
reference | ①n. پايدىلىنىش. ② كاپالەتچى. ③ نەقىل كەلتۈرۈش، دەلىل كەلتۈرۈش. ④ مۇناسىۋەت in reference to...‖ ھەققىدە، توغرىسىدا، ئائىت. |
refine | ①v. ئايرىلماق، ئايرىماق (ماي). ② سىلىقلاپ ئىشلىمەك، پىششىقلاپ ئىشلىمەك. ③ سىپايىلاشماق، سىپايىلاشتۇرماق. ④ نەپىسلەشمەك، نەپىسلەشتۈرمەك. ⑤ ساپلاشماق، ساپلاشتۇرماق. |
reflect | ①v. ئەكس ئەتمەك، ئەكس نۇر قايتۇرماق. ② ئىنكاس قىلماق. ③ ئېلىپ كەلمەك، ئېلىپ بارماق، سەۋەب بولماق: 〈 reflect upon〉 ... گە يامان تەسىر پەيدا قىلماق. ④ ئويلىماق، ئويلانماق، باش قاتۇرماق. |
reflection | ①n. ئەكس ئېتىش، ئەكس نۇر قايتىش، ئەكس نۇر قايتۇرۇش. ② ئەكس ئېتىش، ئىنكاس قىلىش، ئىنكاس. ③ رېفلېكس. ④ ئويلىنىش، باش قاتۇرۇش، خىيال قىلىش. ⑤ ئەسلەش. ⑥ تەسىرات. |
reflexion | reflection. |
reform | v.Ⅰئىسلاھات قىلماق، ياخشىلىماق، يېڭىلىماق. n.Ⅱ ئىسلاھات، ياخشىلاش، يېڭىلاش. |
refrain | v. ئۆزىنى تۇتۇۋالماق، تاقەت قىلماق، ساقلانماق: refrain from saying sth بىر نەرسە دېيىشتىن ساقلانماق. |
refresh | ①v. رىغبەتلەندۈرمەك، غەيرەتلەندۈرمەك، روھلاندۇرماق، تېتىكلەشتۈرمەك. ② يېڭىلمەك. ③ ئويغانماق، ئويغاتماق. |
refreshment | ①n. روھلۇق، روھلىنىش. ② (كۆپلۈك ئىشلىتىلگەندە) پىچىنە-پىرەنىك؛ ئىچىملىك. |
refrigerator | ①o. توڭلىتىش ئۆيى. ② مۇزلاتقۇ. |
refuge | ①n. باشپاناھ ئىزدەش. ② پاناھ جاي. |
refuse 1 | v. رەت قىلماق، باش تارتماق. |
refuse 2 | n. تاشلاندۇق، ئەسكى-تۈسكىلەر، ئەخلەت. |
regain | ①v. ئەسلىگە كەلمەك، ئەسلىگە كەلتۈرمەك (سالامەتلىك). ② قايتماق. |
regard | ①v.Ⅰ قارىماق، مۇئامىلە قىلماق، ... دەپ بىلمەك. ② ئەھمىيەت بەرمەك، دىققەت ئېتىباربىلەن قارىماق، ھۆرمەت قىلماق، ھۆرمەتلىمەك. ①n.Ⅱ ھۆرمەت، ھۆرمەتلەش. ② دىققەت، دىققەت قىلىش، كۆڭۈل بۆلۈش. ③ (كۆپلۈك ئىشلىتىلگەندە) سالام ئېيتىش: Please give mybest regard s to him. مەندىن ئۇنىڭغا سالام ئېيتىڭ. |
regarding | prep. ھەققىدە، توغرىسىدا، دائىر، ئائىت. |
regardless | adj. ... گە قارىماي، ... گە قارىماستىن. |
regime | ①n. دۆلەت تۈزۈمى، ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى، ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمى. ② تۈزۈم. |
regiment 1 | ①n. <ھەربىي> تۇەن، پولك. ② توپ، پادا، ئۈيۈر. |
regiment 2 | ①v. بۆلمەك، ئايرىماق (گۇرۇپپىغا). ② تەشكىللىمەك. |
region | n. يەر، جاي، رايون. |
regional | ①adj. قىسمەن، جۈزئىي. ② رايونلۇق، يەرلىك. |
register | ①n.Ⅰ تىزىملاش، دەپتەرگە ئېلىش. ② تىزىملىك. ③ زاكاز. ④ نومۇر ئېلىش. ⑤ ئاپتوماتىك خاتىرىلەش ماشىنىسى. ⑥ <مۇزىكا> ئاۋاز دائىرىسى. ①v.Ⅱ تىزىمغا ئالماق، تىزىملىماق، تىزىمغا ئالدۇرماق. ② زاكاز قىلماق. ③ نومۇر ئالماق. ④ كۆرسەتمەك. |
regret | ①n.Ⅰ پۇشايمان، ئارمان، ئۆكۈنۈش. v.Ⅱ ( regret ted؛ regret ted؛ regret ting) پۇشايمان قىلماق، ئېچىنماق: I regret my mistakes. خاتالىق ئۆتكۈزگىنىمگە ئېچىنىمەن. |
regular | ①adj.Ⅰ قانۇنلۇق، قائىدىلىك، تەرتىپلىك. ② مۇددەتلىك، قەرەللىك. ③ دائىملىق. ④ رەتلىك، راۋرۇس، تۈز، بېجىرىم. ⑤ رەسمىي، مۇنتىزىم. ⑥ ئاددىي، ئادەتتىكى. ⑦ (جانلىق تىلدا) پۈتۈنلەي، تامامەن، تەلتۈكۈس n.Ⅱ مۇنتىزىم قوشۇن. |
regularity | ①n. تەرتىپ، رەت، تەرتىپلىك، رەتلىك. ② قانۇنلۇق. ③ مۇنتىزىم. ④ مۇددەت، بەلگىلىك مۇددەت، قەرەل. |
regularly | ①dv. رەتلىك، تەتىپلىك. ② قائىدىلىك. ③ رەسمىي. ④ دائىم، دائىملىق. ⑤ مۇددەت بىلەن. |
regulate | ①v. قائىدە بويىچە باشقۇرماق، تەرتىپ بويىچە ئىدارە قىلماق. ② تەڭشىمەك، توغرىلىماق، تەرتىپكە سالماق. |
regulation | ①n. باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش. ② تەڭشەش، تەرتىپكە سېلىش. ③ قائىدە، قانۇن، بەلگىلىمە. adj.Ⅱ رەسمىي، بەلگىلىك. |
reign | n.Ⅰ سۇلالە، خاندانلىق. ①v.Ⅱ (پادىشاھ) ھۆكۈمرانلىق قىلماق، باشقۇرماق. ② كەڭ تارقالماق، كەڭ ئەۋج ئالماق. |
rein | n.Ⅰ (كۆپلۈك ئىشلىتىلگەندە) چۇلۋۇر، تىزگىن hold the rein s‖ ھاكىمىيەت يۈرگۈزمەك، ھوقۇق تۇتماق. ①v.Ⅱ ھەيدىمەك (ئاتنى). ② تىزگىنلىمەك، بىر تۇتاش باشقۇرماق. |
reindeer | n. ( reindeer ، reindeer s) كۆنۈك بۇغا، ئۆگىتىلگەن بۇغا. |
reject | ①v.Ⅰ چۆرۈۋەتمەك، تاشلىۋەتمەك. ② رەت قىلماق، باش تارتماق. ① n.Ⅱ رەت قىلىنغان نەرسىلەر، قايتۇرۇلغان نەرسىلەر. ② (ئۆلچەمگە توشمىغان) يارامسىز بۇيۇملار. |
rejoice | v. خۇشال قىلماق، خۇشال بولماق، خۇش قىلماق. |
relate | ①v. بايان قىلماق، ئېيتىپ بەرمەك. ② ئالاقە قىلماق، ئالاقە باغلىماق، مۇناسىۋەتلەشمەك be relate d to ...‖ بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقى بولماق. |
relation | ①n. بايان، دوكلات. ② ئالاقە، مۇناسىۋەت. ③ تۇغقان؛ ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى. |
relationship | ①n. تۇغقان، ئۇرۇق-تۇغقان، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى. ② ئالاقە، مۇناسىۋەت. |
relative | ①adj.Ⅰ مۇناسىۋەتلىك، ئالاقىدار. ② نىسبىي، قارىمۇ قارشى؛ سېلىشتۇرما. ①n.Ⅱ تۇغقان، ئۇرۇق-تۇغقان، قېرىنداش. ② <گرامماتىكا> نىسپىي سۆز. |
relax | v. بوشىماق، بوشاتماق، بوشاشماق، بوشاڭلىق قىلماق. |
release | ①v.Ⅰ قويۇپ بەرمەك، بوشاتماق، چىقارماق، خالاس قىلماق، ئازاد قىلماق. ② ئېلىپ تاشلىماق. ③ ئېلان قىلماق، تارقاتماق، n.Ⅱ قويۇپ بېرىش، بوشىتىش، چىقىرىش، خالاس قىلىش، ئازاد قىلىش. |
reliable | adj. ئىشەنچلىك. |
relife | ①n. (ئەندىشە، دەرد، ئازابلىنىش قاتارلىقلاردىن) يېنىكلەش، قۇتۇلۇش، خالاس بولۇش. ② ياردەم، ئىجتىمائىي ياردەم، قۇتقۇزۇش. ③ (سېخلاردا) نۆۋەتلىشىش؛ نۆۋەتلەشكۈچى. ④ ياردەمچى قوشۇن؛ مۇھاسىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش. |
religion | ①n. دىن. ② ئېتىقاد. |
religious | ①adj. دىنىي. ② ئىخلاسمەن، تەقۋادار، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان. ③ پۇختا، چىڭ. |
reluctance | ①n. ئەپلەپ-سەپلەش، بىر ئامال قىلىش. ② خالىماسلىق، ئىلاجىسىزلىق. |
rely | v. ئىشەنمەك، تايانماق. |
remain | ①v. ئېشىپ قالماق، قېپقالماق، قالماق، ساقلىنىپ قالماق، ساقلىماق. ② تۇرماق، توختىماق. |
remainder | ①n.<ماتېماتىكا>قالدۇق، ئېشىندى.② ئېشىپ قالغان ئادەم(نەرسە). |
remark | ①v.Ⅰ دىققەت قىلماق، كۆزەتمەك، قارىماق. ② بايان قىلماق، سۆزلىمەك، باھالىماق، باھا بەرمەك.①n.Ⅱدىققەت قىلىش، كۆزىتىش، قاراش.② بايان، سۆھبەت، پىكىر. |
remarkable | adj. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان، باشقىچە، ئۆزگىچە، ئاجايىپ. |
remedy | ①n.Ⅰداۋالاش.② دورا بۇيۇملىرى.③ تولۇقلاش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش. ①v.Ⅱ دورا قىلماق، داۋالىماق. ② قۇتۇلدۇرماق، ئەسلىگە كەلتۈرمەك. |
remember | ①v. يادىدا تۇتماق، ئېسىدە ساقلىماق. ئېسىگە ئالماق. ② ... گە سالام ئېيتماق: Remember me kindly to him. مەندىن ئۇنىڭغا سالام ئېيت. |
remembrance | ①n. خاتىرە، ئەستە تۇتۇش، ئېسىدە ساقلاش. ② تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى. ③ (كۆپلۈك ئىشلىتىلگەندە) سالام، سالام ئېيتىش. |
remind | v. ئەسلەتمەك، ئېسىگە ئالماق، سەمىگە سېلىپ قويماق. |
reminiscence | n. خاتىرە، ئەسلىمە. |
remnant | ①n. قالدۇق، ئېشىندى. ② پارچە رەخت. |
remo(u)ld | v. ئۆزگەرتمەك. |
remote | ①adj. يىراق، ئۇزاق. ② مۇناسىۋىتى يىراق. ③ كىچىك، ئاز، ناھايىتى ئاز، ئازغىنە. |
remove | ①v. مىدىرلىماق، مىدىرلاتماق، يۆتكىمەك، يۆتكەلمەك. ② ئېلىپ كەتمەك. ③ ئۆي كۆچمەك، كۆچمەك. ④ چىقىرىۋەتمەك، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىماق. |
rend | v. (rent ، rent) ① (جانلىق تىلدا) ① بۆلمەك، ئايرىلماق. ② يىرتماق، يىرتىپ تاشلىماق، يىرتىۋەتمەك. |
render | ① v. جاۋاب قايتۇرماق، ئاقلىماق. ② بەرمەك، كۆرسەتمەك، قىلماق. ③ (ئويۇن) قويماق. ④ تەرجىمە قىلماق. ⑤ قايناتماق، ئېرىتمەك (ماينى). |
renew | ①v. يېڭىلىماق، قايتىدىن يولغا قويماق، ئەسلىگە كەلتۈرمەك. ② تولۇقلىماق، ئەسلىگە كەلتۈرمەك. |
renounce | ①v. ۋاز كەچمەك (ھوقۇق، تەلەپ قاتارلىقلاردىن) ② ... بىلەن مۇناسىۋەت ئۈزگەنلىكىنى رەسمىي ئېلان قىلماق. ③ تانماق، تېنىۋالماق، ئېتىراپ قىلماسلىق، ئىنكار قىلماق. |
renown | n. ئاتاق-ئابرۇي، ئابرۇي، شۆھرەت، ئىناۋەت. |
rent 1 | v. ←rend. |
rent 2 | n. ئىجارە، ئۆي ئىجارىسى؛ يەر ئىجارىسى؛ ئىجارە پۇلى. |
repaid | v.←repay. |
repair | ①v.Ⅰ رېمونت قىلماق، تۈزىمەك، تۈزەتمەك، ياسىماق، ئوڭشىماق. ② تۈزەتمەك (خاتالىقنى). n.Ⅱ ياساش، رېمونت قىلىش، ئوڭشاش. |
repay | v. (repaid ؛ repaid) ① پۇل قايتۇرماق، بەرمەك. ② جاۋاب قايتۇرماق، ئاقلىماق. |
repeat | ①v.Ⅰ تەكرارلىماق، قايتىلاش، ياد ئوقۇماق، يادلىماق. n.Ⅱ تەكرارلاش، قايتىلش. |
repeatedly | dv. تەكرار، قايتا، قايتا-قايتا. |
repel | v. ( repel led؛ repel led؛ repel ling) ① چېكىندۈرمەك، ياندۇرماق، رەت قىلماق، باش تارتماق. ② كۆڭلىنى ئاغرىتماق، رەنجىتمەك، ئازار بەرمەك. |
repent | v. پۇشايمان قىلماق، ئۆكۈنمەك؛ توۋا قىلماق. |
repetition | ①n. تەكرارلاش. ② يادلاش، ياد ئوقۇش. |
replace | ①v. جايىغا قويماق، ئورنىغا قويماق، ئورنىغا دەسسەتمەك. ② تولۇقلىماق، قوشۇمچە قىلماق. ② يەڭگۈشلىمەك، ئالماشتۇرماق. |
reply | v.Ⅰ جاۋاب بەرمەك، جاۋاب قايتۇرماق. n.Ⅱ جاۋاب، جاۋاب قايتۇرۇش. |
report | ①v.Ⅰ خەۋەر قىلماق، دوكلات قىلماق. ② مەلۇم قىلماق، تىزىمغا ئالدۇرماق. ①n.Ⅱ دوكلات، خەۋەر، ئاخبارات، مەلۇمات. ② رىۋايەت، ئىغۋا. ③ ئابرۇي، شۆھرەت، ئىناۋەت. ④ بومبا ئاۋازى. |
reporter | n. مۇخبىر، خەۋەرچى. |
repose | ①v.Ⅰ دەم ئالماق، ئارام ئالدۇرماق؛ خاتىرجەم ئۇخلىماق. ② ئىشەنمەك، تايانماق. n.Ⅱ دەم ئېلىش، ئارام ئېلىش؛ تىنچ ئۇخلاش. ② تىنچلىنىش، خاتىرجەملىك. |
represent | ①v. ئىپادىلىمەك، كۆرسەتمەك، بىلدۈرمەك. ② تەسەۋۋۇر قىلماق، سۈرەتلىمەك. ③ ۋەكىللىك قىلماق. |
representation | ①n. ئىپادە. ② تەسۋىر. ③ سۈرەت. ④ ئىزاھات، چۈشەندۈرۈش. ⑤ ئىپادىلەش. ⑥ ۋەكىل، ۋەكىللىك ھوقۇقى. |
representative | ①adj.Ⅰ ۋەكىللىك، ۋەكىل خاراكتېرلىك. ② ۋاكالەت تۈزۈمىدىكى. ①n.Ⅱ ۋەكىل، ۋەكالىتەن باشقۇرغۇچى. ②(ئامېرىكا تىلىدا)پارلامېنت ئەزاسى.③ تىپ. |
reproach | v.Ⅰ ئەيىبلىمەك، تاپا-تەنە قىلماق، كايىماق. ①n.Ⅱ ئەيىب، ئەيىبلەش. ② خورلۇق. ③ ئۇيات، نومۇس. |
reproduce | ①v. تەقلىد قىلىپ ئىشلىمەك، ئىشلىمەك، تەقلىد قىلىپ ياسىماق؛ تەقلىد قىلىپ باسماق. ② كۆپەيتىش، نەسىل قالدۇرۇش. ③ تىرىلمەك، قايتا ئۈنمەك. قايتا يېتىلمەك، قايتا ئۈندۈرمەك، تىرىلدۈرمەك. |
republic | n. جۇمھۇرىيەت:the People’s Republic of China جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى. |
republican | adj.Ⅰ جۇمھۇرىيەت، رېسپۇبلىكا. n.Ⅱ (ئامېرىكا) جۇمھۇرىيەت پارتىيە ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتنى ھىمايە قىلغۇچى. |
reputation | n. ئابرۇي، ئاتاق ئابرۇي، شۆھرەت، ئىناۋەت. |
request | ①n.Ⅰ ئىلتىماس، تەلەپ. ② لازىملىق، كېرەكلىك، ئېھتىياجلىق. v.Ⅱ ئىلتىماس قىلماق، ئۆتۈنۈپ سورىماق، مۇراجىئەت قىلماق، تەلەپ قىلماق. |
require | ①v. تەلەپ قىلماق، مۇراجىئەت قىلماق، بۇيرۇق قىلماق. ② مۇھتاج بولماق، لازىم بولماق، كېرەك بولماق. |
requirement | ①n. تەلەپ. ② مۇھتاجلىق، مۇھتاجلىق نەرسە. |
requisite | n.Ⅰ لازىمەتلىكلەر، زۆرۈر بۇيۇملار. adj.Ⅱ زۆرۈر، كەم بولسا بولمايدىغان. |
rescue | v.Ⅰ قۇتقۇزماق، قۇتۇلدۇرماق. n.Ⅱ قۇتقۇزۇش، قۇتۇلدۇرۇش come to the rescue ‖ (بىراۋنى) قۇتقۇزماق، قۇتۇلدۇرماق. |
research | ①n.① تەتقىق قىلىش. ② تەكشۈرۈش. ①v.Ⅰ تەتقىق قىلماق. ② تەكشۈرمەك. |
resemble | v. ئوخشىماق، ئوخشاشماق، ئوخشاش بولماق. |
resent | ①v. قانائەتلەنمەسلىك. ② يامان كۆرمەك، نەپرەتلەنمەك، غەزەپلەنمەك. |
reservation | ①n. ساقلاش، يوشۇرۇن ساقلاش. ② يوشۇرۇپ قويۇلغان نەرسىلەر. ③ تۈزۈش، ئالدىنئالا بەلگىلەش، ئالدىن كېلىشىپ قويۇش. |
reserve | ①v.Ⅰ ساقلىماق، ساقلاپ قالماق. ② ئالدىن تۈزمەك، ئالدىنئالا بەلگىلىمەك، ئالدىن كېلىشمەك، ئالدىن سۆزلىشىپ قويماق. ①n.Ⅱ زاپاس، زاپاس نەرسىلەر. ② زاپاس قوشۇن. ③ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش. |
reservoir | n. سۇ ئامبىرى. |
reside | v. ئولتۇراقلاشماق، ماكان تۇتماق، تۇرماق، ② تەۋە بولماق، مەنسۇپ بولماق، تەئەللۇق بولماق. |
residence | n. تۇرار جاي، تۇرالغۇ، ئۆي-جاي، تۇرۇشلۇق جاي. |
resident | adj.Ⅰ تۇرۇشلۇق، تۇرىدىغان. n.Ⅱ ئاھالە. |
residue | n. قالدۇق، داشقال، ساقلاندى. |
resign | ①v. ئىستېپا بەرمەك (خىزمىتىگە). ② ۋاز كەچمەك، تاشلىماق. ③ ئىتائەت قىلماق، بويسۇنماق، چىداشلىق بەرمەك، بەرداشلىق بەرمەك، چىدىماق. |
resin | n. دېۋىرقاي، سېغىز. |
resist | ①v. قارشى تۇرماق، قارشىلىق كۆرسەتمەك. ② چىداشلىق بەرمەك، چىدىماق، بەرداشلىق بەرمەك. |
resistance | ①n. قارشى تۇرۇش، قارشىلىق كۆرسىتىش. ② قارشىلىق كۈچ. |
resolute | adj. قەتئىي، كەسكىن. |
resolutely | dv. قەتئىي، كەسكىن. |
resolution | ①n. ئىرادە، نىيەت، قەتئىي نىيەت. ② قارار، بەلگىلىمە. ③ ئاجرىتىش، ئانالىز قىلىش. ④ ھەل قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش. |
resolve | ①v.Ⅰ قەتئىي نىيەتكە كەلمەك، ئىرادە قىلماق، قارار قىلماق. ② ئاجراتماق، ئانالىز قىلماق، ھەل قىلماق، جاۋاب بەرمەك. ①n.Ⅱ ئىرادە، نىيەت، قەتئىي نىيەت. ② قەتئىي، كەسكىن. |
resort | ①v.Ⅰ ياردەم سورىماق، مەدەت تىلىمەك، مۇراجىئەت قىلماق. ② ئىشلەتمەك، پايدىلانماق، قوللىماق. ③ دائىم بارماق، پات-پات بارماق. ①n.Ⅱ چارە، ئۇسۇل، ۋاسىتە. ② يۆلەنچۈك، ھىمات، ھامىي. ③ مەنزىرىلىك جاي. |
resound | ①v. تەۋرەنمەك (ئاۋاز). ② ۋىڭىلدىماق، غوڭۇلدىماق، ئەكس سادا چىقارماق. |
resource | n. (كۆپلۈك ئىشلىتىلىدۇ) بايلىق مەنبەسى، مەنبە. ② ۋاسىتە، ئۇسۇل، تاكتىكا. |
respect | ①n.Ⅰ ئېھتىرام، ھۆرمەت، ھۆرمەت قىلىش. ② دىققەت قىلىش، ئېتىبار بېرىش. v.Ⅱ ھۆرمەتلىمەك، ھۆرمەت قىلماق in respect of ‖ ھەققىدە، توغرىسىدا with respect to/ ھەققىدە، توغرىسىدا، ئائىت، pay one’s respect to sb. بىراۋغا سالام يوللىماق، ئېھتىرام بىلدۈرمەك. |
respectful | ①adj. ھۆرمەتلىك، ھۆرمەتكە تولغان. ② ئەدەبلىك. |
respective | adj. ھەر كىم، ھەرقايسى، ھەربىر. |
respectively | dv. ئايرىم، ئايرىم-ئايرىم ھالدا، ھەرقايسى، ھەربىرسى. |
respond | v. جاۋاب بەرمەك. ② ئاۋاز قوشماق. |
response | ①n. جاۋاب، جاۋاب بېرىش. ② ئاۋاز قوشۇش. |
responsibility | ①n. مەسئۇلىيەت، جاۋابكارلىق. ② بۇرچ، ۋەزىپە، مەجبۇرىيەت. |
responsible | ①adj. مەسئۇلىيەتچانلىق، جاۋابكارلىق. ② ئىشەنچلىك، ئەستايىدىل. |
rest 1 | n.Ⅰ دەم ئېلىش، ئارام ئېلىش، تەنەپپۇس: take a rest 1 دەم ئالماق. ①v.Ⅱ دەم ئالماق، ئارام ئالماق، ئارام ئالدۇرماق. ② يۆلەنمەك، يۆلەندۈرمەك، تاياندۇرماق rest 1 on ‖ تايانماق، ئاساسلانماق. |
rest 2 | n. قالغىنى، باشقىسى. |
restaurant | n. ئاشپۇزۇل، ئاشخانا، رېستوران. |
restless | ①adj. غەمكىن، پەرىشان. ② تۇراقسىز. ③ دەم ئالمىغان، دەم ئالدۇرالمىغان. |
restore | ①v. قايتۇرۇپ بەرمەك، قايتۇرۇلماق (يوقالغان نەرسىلەر). ② ئەسلىگە كەلمەك، قايتىدىن يولغا قويماق، رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرمەك، ئوڭشىماق. |
restrain | ①v. (ئۆزىنى) تۇتۇۋالماق، (ھېسسىياتىنى) بېسىۋالماق. ② (بىراۋنى مەلۇم ئىش ھەرىكەتتىن) توسىماق، توختاتماق، چەكلىمەك. |
restraint | ①n. چەكلەش، توسۇش، توختىتىش. (ئۆزىنى) تۇتۇۋېلىش، (ھېسسىياتىنى) بېسىۋېلىش. |
restrict | v. چەكلىمەك، يول قويماسلىق، توسىماق. |
restriction | n.Ⅰ چەكلىمە، ئاسارەت، چەك. |
result | ①v. ... سەۋەبتىن ... بولماق، ... دىن ... كېلىپ چىقماق، ... لىقتىن ... بولماق. ② ئېلىپ كەلمەك، ئېلىپ بارماق، سەۋەب بولماق. ①n.Ⅱ نەتىجە، مۇۋەپپەقىيەت، ئۈنۈم. Ⅱ <ماتېماتىكا> ھېسابلاش نەتىجىسى، جاۋاب سان as a result of‖ ... نىڭ نەتىجىسىدە. |
resume | ①v. قايتىدىن باشلىماق، قايتىدىن داۋاملاشتۇرماق. ② ئەسلىگە قايتماق. ③ قايتىدىن ئېرىشمەك. |
retain | v. ساقلاپ قالماق، ساقلىماق. ② تەكلىپ قىلماق (ئادۋوكاتنى). ③ داۋاملاشتۇرماق. |
retard | ①v. توسىماق، توسالغۇلۇق قىلماق، دەخلى قىلماق. ② ئاستىلاتماق؛ كېچىكتۈرمەك، كەينىگە سۈرمەك. |
retell | v. قايتىدىن سۆزلىمەك، تەكىتلىمەك، يەنە بىر قېتىم ئېيتماق. |
retire | ①v. پېنسىيىگە چىقماق، پېنسىيىگە چىقارماق؛ خىزمەتتىن چېكىنمەك، خىزمەتتىن بوشاتماق. ② چېكىنمەك، چېكىندۈرمەك. ④ ئايرىلماق، چەتنىمەك. |
retired | ①adj. پېنسىيىگە چىققان؛ خىزمەتتىن بوشانغان، خىزمەتتىن چېكىنگەن. ② جىمجىت، تىنچ. |
retreat | v.Ⅰ <ھەربىي> قايتۇرۇپ كەتمەك، چېكىندۈرمەك، چېكىنمەك. n.Ⅱ قايتۇرۇپ كېتىش، چېكىنىش، چېكىندۈرۈش. |
return | ①v.Ⅰ قايتۇرماق، قايتىپ كەلمەك، قايتىپ بارماق.② ياندۇرماق، ياندۇرۇپ بەرمەك، قايتۇرماق.③ جاۋاب بەرمەك.④ دوكلات قىلماق، مەلۇم قىلماق.⑤ سايلىماق.①n.Ⅱ قايتىش. ② جاۋاب، جاۋاب قايتۇرۇش. ③ دوكلات. adj.Ⅲ قايتىپ كېلىدىغان، قايتىپ كەلگەن: a return (ticket) بېرىپ كېلىش بېلىتى. |
reveal | ①v. پاش قىلماق، ئاشكارىلىماق، ئاشكارىلاپ قويماق. ② كۆرسەتمەك، ئىپادىلىمەك، نامايان قىلماق. |
revel | ①v.Ⅰ شەيدا بولماق، ھېرىس بولماق، ياخشى كۆرمەك. ② ئىنتايىن خۇشال بولماق، شاد-خۇراملىققا چۆممەك؛ ئويۇن-تاماشا قىلماق. n.Ⅱ ئىنتايىن خۇشال بولۇش، شاد-خۇراملىققا چۆمۈش. |
revenge | v.Ⅰ ئەنت ئالماق، ئۆچ ئالماق، قىساس ئالماق، ئىنتىقام ئالماق. n.Ⅱ ئۆچ ئېلىش، ئىنتىقام، ئىنتىقام ئېلىش، ئۆچمەنلىك. |
revenue | n. كىرىم، يىللىق كىرىم (مەملىكەتنىڭ)؛ دارامەت. |
reverence | n.Ⅰ ھۆرمەت، ھۆرمەتلەش، ئىززەت-ئىكرام. v.Ⅱ ھۆرمەتلىمەك، ئىززەت-ئىكرام بىلدۈرمەك. |
reverend | ①adj. ھۈرمەتلىك، قەدىرلىك. ② پوپ (ئاتاقنى ئىپادىلەشكە ئىشلىتىلىپ، the Rev گە قىسقارتىلىپ يېزىلىدۇ). |
reverse | adj.Ⅰ قارىمۇ قارشى، ئەكسىچە، تەتۈرسىچە، ئاستىن-ئۈستۈن قىلىنغان. ①n.Ⅱ قارىمۇ قارشىلىق، قارىمۇ قارشى قىلىش. ② ئاستىن-ئۈستۈن قىلىش. ③ سەلبىي. ④ كەينى (ئارقا) يۈزى. ⑤ مەغلۇبىيەت. ①v.Ⅲ ئاستىن-ئۈستۈن قىلىنماق. ② تەتۈر ئايلاندۇرماق. ③ قايتۇرۇۋالماق، ياندۇرۇۋالماق، ئەمەلدىن قالدۇرماق، ئېلىپ تاشلىماق. |
review | ①v.Ⅰ تەكرارلىماق، پىششىقلىماق. ② ئەسلىمەك. ② كۆرەك قىلماق، كۆرەكتىن ئۆتكۈزمەك، كۆزدىن كەچۈرمەك. ③ باھالىماق، باھا بەرمەك (يېڭى كىتابلارغا). ①n.Ⅱ كۆرەك، پارات. ④ باھا، باھالاش. |
revisionism | n. رېۋىزىئونىزم. شيۇجېڭجۇيى. |
revisionist | رېۋىزىئونىست، شيۇجىڭجۇيىچى. |
revive | ①v. تىرىلمەك، تىرىلدۈرمەك؛ گۈللەنمەك، گۈللەندۈرمەك، ئويغانماق، ئويغاتماق، جانلانماق، جانلاندۇرماق. ② ئەسلىگە كەلمەك، ئەسلىگە كەلتۈرمەك (سالامەتلىك كۈچ-قۇۋۋەت ياكى بۇرۇنقى ھالىتىنى). |
revolt | v.Ⅰ قارشى چىقماق، قارشى تۇرماق؛ ئاسىيلىق قىلماق؛ قوزغىلاڭ كۆتۈرمەك. n.Ⅱ قارشى تۇرۇش؛ ئاسىيلىق قىلىش؛ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش. |
revolulionary | ①adj.Ⅰ ئىنقىلابىي. ② ئايلىنىدىغان، ئايلانما. n.Ⅱ ئىنقىلابچى. |
revolution | ①n. ئىنقىلاب. ② ئايلىنىش (بىر) ئايلىنىش (چاق). |
revolve | ①v. ئايلانماق، ئايلاندۇرماق. ② ئويلىماق، ئويلانماق، خىيال سۈرمەك. |
reward | ①n.Ⅰ ھەق، تاپان ھەققى. ② مۇكاپات پۇلى. ①v.Ⅱ ھەق بەرمەك. ② مۇكاپات بەرمەك، مۇكاپاتلىماق. |
rewrite | v.Ⅰ (rewrote ؛rewritten ؛ rewriting) ئۆزگەرتىپ يازماق، قايتا يازماق. n.Ⅱ ئۆزگەرتىپ يېزىلغان ئەسەر. |
rhyme, rime | ①n.Ⅰ قاپىيە، قاپىيداش سۆز. ② قاپىيىداش شېئىر. v.Ⅱ قاپىيىگە سالماق، قاپىيىلەشتۈرمەك. |
rib | n. قوۋۇرغا، قوۋۇرغا سۆڭىكى. |
ribbon | n. لېنتا، تاسما، پوتا. |
rice | ①n. شال. ② گۈرۈچ، گۈرۈچ تاماق. |
rich | ①adj. باي، باياشات. ② مۇنبەت، ئۈنۈملۈك. ③ <يېمەكلىك> مايلىق؛ تەملىك. ④ (رەڭ) قويۇق، قېنىق. ⑤ (ئاۋاز) يېقىملىق، سىلىق. ⑥ (جانلىق تىلدا) قىزىق، كۈلكىلىك. |
riches | n. (كۆپلۈك) بايلىق. |
rid | v. ( rid ، rid ded؛ rid ، rid ded; rid ding) قۇتۇلماق، قۇتۇلدۇرماق، ئېلىپ تاشلىماق، خالاس قىلماق. |
ridden | adj.Ⅱ.ride←v.Ⅰ ئېزىلگەن، كونترول قىلىنغان. |
riddle | n. تېپىشماق. |
ride | v.Ⅰ (rode ؛ ridden ) ① مىنمەك؛ چۈشمەك، ئولتۇرماق. ② (ئات ۋە باشقىلارغا) مىنىپ ئۆتمەك، ئارىلاپ چىقماق. ③ لەيلىمەك، ئاقماق. ①n.Ⅱ مىنىش (ئات، ۋېلىسىپىت قاتارلىقلارغا). ② چۈشۈش، ئولتۇرۇش. |
rider | ①n. مىنگۈچى (ئات، ۋېلىسىپىت ۋە باشقىلارغا). ② قوشۇمچە (ھۆججەتنىڭ). ③ قوشۇمچە پۇل. |
ridge | ①n.Ⅰ بەل، قىر. ② چوققا. v.Ⅱ قىرلىماق (ئېتىز-ئېرىقلارنى). |
ridiculous | adj. كۈلكىلىك، قىزىق، بىمەنە، خۇنۈك. |
rifle | n. مىلتىق. |
right 1 | ①adj.Ⅰ توغرا، مۇۋاپىق. ② سالامەتلىك، ساغلاملىق. ③ تۈز. ①dv.Ⅱ توغرا، مۇۋاپىق، ھالاللىق بىلەن. ② پۈتۈنلەي، تەلتۆكۈس. ①n.Ⅱ توغرىلىق، ئادالەت، ھەققانىيەت، ھالاللىق. ② ھوقۇق. v.Ⅳ تۈزەتمەك، توغرىلىماق، ئەسلىگە كەلتۈرمەك. |
right 2 | adj.Ⅰ ئوڭ، ئوڭ يۈزى. dv.Ⅱ ئوڭغا، ئوڭ تەرەپكە، ئوڭدا. ①n.Ⅲ ئوڭ، ئوڭ تەرەپ. ② ئوڭچى. |
righteous | adj. ئادالەتلىك، توغرا، ئادىل؛ تۈز، تۈپ تۈز. |
rightist | n.Ⅰ ئوڭچى. adj.Ⅱ ئوڭچىلىق، ئوڭچىلار. |
rilieve | ① v.(ئەندىشە، دەرد، ئازابلىنىش قاتارلىقلارنى) يېنىكلەتمەك، ئازايتماق، خالاس قىلماق. ② ياردەم قىلماق، ياردەم بەرمەك، ئىجتىمائىي جەھەتتىن ياردەم بەرمەك. ③ نۆۋەت ئالماشتۇرماق. |
rill | n. ئېرىق، دەريا. |
rim | ①n.Ⅰ قىر، گىرۋەك. ② كۆزەينەك جازىسى. ③ چاق تاپىنى، چاق ئۇلتىڭى. v.Ⅱ ( rim med، rim med، rim ming) قىر سالماق، رام ياسىماق، گىرۋەك تۇتماق. |
rime | rhyme. |
ring 1 | ①n.Ⅰ ھالقا، ئايلانما. ② ئۈزۈك. ③ مۇشتلىشىش مەيدانى؛ ئايلانما بەيگە مەيدانى. v.Ⅱ مۇھاسىرىگە ئالماق، قورشىماق، قورشىۋالماق. |
ring 2 | v.Ⅰ (rang ؛ rung ) ① ۋىڭىلدىماق، ۋىڭىلداتماق. ② (قوڭغۇراق) جاراڭلىماق. ③ قوڭغۇراق كۇنۇپكىسىنى بېسىپ خەۋەر قىلماق. ④ جاڭ چېلىپ خەۋەر قىلماق. ⑤ ئەكس سادا ئاڭلانماق ring 2 sb.up‖ بىراۋغا تېلېفون بەرمەك. ①n.Ⅱ ۋىڭىلداش. ② قوڭغۇراق ئاۋازى، جاڭ ئاۋازى. |
riot | ①n.Ⅰ توپىلاڭ، پاراكەندىچىلىك. ② شاللاقلىق③ باراقسان. ①v.Ⅱ توپىلاڭ كۆتۈرمەك. ② شاللاقلىق قىلماق. |
rip | v.Ⅰ ( rip ped، rip ped، rip ping) ① يىرتماق، يىرتىلماق. ② يارماق، يېرىلماق، ئاجرىماق، ئاجراتماق. n.Ⅱ دەز، يېرىق، چاك؛ يىرتىق. |
ripe | adj. پىششىق، پىشقان، يېتىلگەن. |
ripen | v. پىشماق، يېتىلمەك. |
ripple | ①n.Ⅰ مەيىن دولقۇن. ② ئېگىز-پەس ئاۋاز. v.Ⅱ داۋالغۇماق، داۋالغۇتماق، مەيىن دولقۇن پەيدا قىلماق. |
rise | v.Ⅰ (rose ؛ risen ) ① تۇرماق، قوپماق، ئورنىدىن تۇرماق. ② ئۆرلىمەك، كۆتۈرۈلمەك. ③ كۆپەيمەك، كۆپەيتمەك. ④ ئۆسمەك، چىقماق. ⑤ تۇغۇلماق، پەيدا بولماق، كېلىپ چىقماق. ⑥ قوزغىلاڭ كۆتۈرمەك ①n.Ⅱ يانتۇلۇق، يانتۇ يەر. ② ئۆرلەش، كۆتۈرۈلۈش. ③ كۆپىيىش، كۈچىيىش. ④ مەنبە. |
risk | n.Ⅰ خەۋپ، خەتەر، خېيىم-خەتەر take risk s‖ تەۋەككۈل قىلىش، خەتەرگە كۆز يۇمۇش. v.Ⅱ خەۋپكە قارىماسلىق، خەتەرگە قارىماسلىق، ... گە تەۋەككۈل قىلماق، قاراملىق قىلماق. |
rival | n.Ⅰقارشى تەرەپ، رەقىب، رىقابەتچى.adj.Ⅱقارىمۇ قارشى، رىقابەتلەشكەن. v.Ⅲ( rival led؛ rival led؛ rival ling) رىقابەتلەشمەك، قارشىلاشماق، ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرماق. |
river | n. دەريا. |
rivet | n.Ⅰ قالپاقلىق مىخ. ①v.Ⅱ قادىماق، قاداق. ② سالماق. ③ تىكىلىپ قارىماق، دىققەت قىلماق. |
road | n. يول، تاشيول، چوڭ يول. |
roadside | n.Ⅰ يول بويى. adj.Ⅱ يول بويىدىكى، يول بويىنىڭ. |
roam | v. سەيلە قىلماق. |
roar | n.Ⅰ ھۆركىرەش، گۈركىرەش، ۋارقىراش، نەرە تارتىش. v.Ⅱ ھۆركىرىمەك، گۈلدۈرلىمەك، ۋارقىرىماق، نەرە تارتماق. |
roast | v.Ⅰ قاقلىماق، قۇرۇتماق. n.Ⅱ كاۋاپ. |
rob | v. ( rob bed؛ rob bed؛ rob bing) بۇلىماق، بۇلاپ تالىماق، بۇلاڭچىلىق قىلماق، بۇلاپ تارتىۋالماق. |
robber | n. بۇلاڭچى. |
robe | ①n. ئۇزۇن چاپان. ② تالالىق كىيىم، مۇراسىم كىيىمى، تويلۇق كىيىم. ③ سوتچى كىيىمى. |
rock | n. تاش، تاغ جىنىسلىرى؛ قورام تاش. |
rocket | n. راكېتا. |
rocky | ①adj. تاشلىق، تاشتەك، تاشقا ئوخشايدىغان. ② (جانلىق تىلدا) تۇراقسىز. |
rod | n. خادا، بادرا. ② رود (ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى). |
rode | v.←ride. |
rogue | ①n. لۈكچەك؛ ئۇششۇق. ② شوخ، كەپسىز. |
roll | ①v.Ⅰ ئايلانماق، ئايلاندۇرماق، دومىلىماق، دومىلاتماق. ② يۆگىمەك، يۆگەلمەك، تۈرمەك، تۈرۈلمەك، ئورىماق، ئورالماق. ③ ئايلىنىپ ئۆتمەك، ئايلىنىپ يۈرمەك. ④ ياپىلاقلىماق، ياپىلاقلانماق. ⑤ چايقىماق، چايقالماق، سىلكىمەك، سىلكىنمەك، بىر ئۆرلەپ، بىر پەسىيىپ تۇرماق. ⑥ گۈلدۈرلىمەك roll in‖ ئۆركەشلەپ كەلمەك، ئارقا-ئارقىدىن كەلمەك roll on/ تېز ئۆتۈپ كەتمەك، ئاققان سۇدەك ئۆتۈپ كەتمەك ① roll up/ ئورىماق، تۈرمەك، يۆگىمەك. ② قوشماق، كۆپەيتمەك (سانلارنى). ③ (جانلىق تىلدا) يېتىپ بارماق، يېتىپ كەلمەك. ①n.Ⅱ (بىر) ئورام، باغلام. ② تولۇق. ③ گۈلدۈرلەش ئاۋازى. ④ ئىسىملىك، يوقلىما. |
roller | ①n. تولۇق. ② يول چىڭداش ماشىنىسى. |
Roman | adj. رىم، رىم كاتولىك دىنىنىڭ، رىمنىڭ، رىملىقنىڭ. |
romance | ①n. ھېكايە، رىۋايەت. ② لەتىپە، ئاجايىپ-غارايىپ ۋەقە. ③ ھېكايە ئەدەبىياتى. |
romantic | adj. رومانتىك، خىيالپەرەست، خىيالى. |
romanticism | n. رومانتىزم. |
roof | ①n. ئۆگزە. ② چوققا. |
room | ①n. ئۆي. ② سورۇن، جاي؛ بوشلۇق. ③ ئىمكانىيەت، پۇرسەت. |
rooster | n. خوراز. |
root | ①n.Ⅰ <ئۆسۈملۈك> يىلتىز. ② يىلتىز قىسىم (چىش ۋە تۈكلەرنىڭ). ④ تىل تۈۋى. ⑤ <گرامماتىكا> سۆز تومۇرى. ⑥ مەنبە، تۈپ سەۋەب. ⑦ <ماتېماتىكا> يىلتىز، يىلتىز كۆرسەتكۈچ ①v.Ⅱ يىلتىز تارتماق. ② مۇقىملاشماق root up يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىماق. |
rope | ①n.Ⅰ ئارغامچا، ئارقان. ② (بىر) تىزىق، زىخ give sb. (plenty of) rope ‖ بىراۋغا خالىغانچە ھەرىكەت قىلىش ئەركىنلىكى بەرمەك know the rope s/ تېگى-تەكتىنى بىلمەك، تېگى-تەكتىگىچە چۈشەنمەك. v.Ⅱ باغلىماق، چىگىپ قويماق، چۈشەپ قويماق. |
rose 1 | v.←rise. |
rose 2 | ①n. ئەتىرگۈل، قىزىلگۈل، گۈلسۇرۇخ. ② ئەتىرگۈل رەڭ، قىزىلگۈل رەڭ. |
rosy | ①adj. ئەتىرگۈل رەڭلىك، قىزىلگۈل رەڭلىك، قىزىلگۈل رەڭدىكى. ② يورۇق، پارلاق، نۇرلۇق، شانلىق. |
rot | v.Ⅰ ( rot ted؛ rot ted؛ rot ting) چىرىمەك، چىرىتمەك، سېسىماق، سېسىتماق، ئېچىماق، ئېچىتماق؛ چىرىكلەشمەك. ①n.Ⅱ چىرىش، چىرىكلىشىش. ② (جانلىق تىلدا) قۇرۇق گەپ، بىكار گەپ. |
rotate | ①v. ئايلانماق، ئايلاندۇرماق. ② نۆۋەتلەشمەك، نۆۋەتلەشتۈرمەك. ③ نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىماق. |
rotation | ①n. ئايلىنىش، ئايلاندۇرۇش. ② نۆۋەت، نۆۋەتلىشىش. ③ نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش. |
rotten | adj. چىرىك، چىرىكلەشكەن، سېسىق، سېسىغان، بۇزۇق، بۇزۇلغان. |
rough | ①adj.Ⅰ يىرىك، قوپال؛ ئوڭغۇل-دوڭغۇل (كۆرۈنۈشى). ② توڭ، قوپال، بىپەرۋا. ③ چالا، پۈتمىگەن، تولۇقسىز، يۈزەكى. n.Ⅱ بىپەرۋا (ئادەم)، بىغەرەز. ② يىرىك مەھسۇلات. ①v.Ⅲ قالايمىقانلاشتۇرماق، يىرىكلەشتۈرمەك، قوپاللاشتۇرماق. ② قول ئۇچىدائىشلىمەك. |
roughly | ①dv. قوپال، قوپاللىق بىلەن. ② قول ئۇچىدا. ③ تەخمىنەن، يۈزە. ④ چالا، يېرىم-يارتا. |
round | ①adj.Ⅰ يۇمىلاق، دۈگىلەك، شارسىمان. ② بىر ئايلانغان: a round trip ئايلىنىپ چىقىش. ③ تولۇق، پۈتۈن. ④ سىلىق، لولىلىق، قۇۋلۇق، تىل ياغلىمىلىق. ①n.Ⅱ شارسىمان نەرسە. ② ئايلانما يول. ①dv.Ⅲ ئايلىنىپ، ئەگىپ: A wheel goes round چاق ئايلىنىپ ماڭىدۇ. ② ئەتراپتا، ئەتراپقا. ③ تەرەپ-تەرەپتىن، تەرەپ-تەرەپكە، تۇشمۇ تۇشتىن، بىر-بىرلەپ: 〉〈Hand these papers round . بۇ ھۆججەتلەرنى كۆپچىلىككە تارقىتىپ بېرىڭ. prep.Ⅳ ئايلىنىپ، بويلاپ، ئەتراپىدا: The earth moves round the sun. يەر شارى قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ. ② ئەگىپ: walk round a corner دوقمۇشتىن ئەگىپ ئۆتمەك. ③ تەرەپ-تەرەپتىن، تەرەپ-تەرەپكە، تەرەپ-تەرەپتە. |
rouse | v. ئويغانماق، ئويغاتماق، قوزغىماق، قوزغالماق، ئىلھاملانماق، ئىلھاملاندۇرماق، ئىلھام بەرمەك. |
route | ①n. يول، مۇساپە. ② (ھەربىي ئاتالغۇ، دائىم ئوقۇلىدۇ) يۈرۈش بۇيرۇقى. |
routine | n.Ⅰ كۈندىلىك خىزمەت، دائىمىي تەرتىپ. adj.Ⅱ كۈندىلىك، بەلگىلىك، دائىملىق. |
rove | v. سەيلە قىلماق، سەرگەردان بولۇپ يۈرمەك. |
rover | n. سەرگەردان. |
row 1 | n. قاتار، رەت، تىزىق، سەپ. |
row 2 | v.Ⅰ ھەيدىمەك (پالاق بىلەن كېمە ھەيدىمەك). n.Ⅱ (پالاق بىلەن) كېمە ھەيدەش. |
row3 | ①n. غەلۋە، جېدەل، جېدەللىشىش، ماجىرا، ماجىرا تۇغدۇرۇش. ② ئەيىبلەش. ③ زاكونلىشىش. |
royal | ①adj. پادىشاھ، خان، پادىشاھنىڭ، خان ئائىلىسىنىڭ. ② تەنتەنىلىك، كاتتا. |
rub | v.Ⅰ ( rub bed؛ rub bed؛ rub bing) ① سۈركىمەك، سۈركەلمەك، سۈركىلىپ كەتمەك، داسلىنىپ كەتمەك (ئەت) rub down‖ سۈرتمەك، سۈرتۈپ تازىلىماق rub in/ تەكرارلىماق rub off / سۈرتمەك، تازىلىماق ① rub up/ سۈرتۈپ تازىلىماق، سۈرتۈپ پارقىراتماق. ② ئويغاتماق، ئېسىگە سالماق. ①n.Ⅱ سۈركەش، سۈركىلىش. ③ توسالغۇ، كاشىلا، پۇتلىكاشاڭ. |
rubber | ①n. رېزىنكە. ② ئۆچۈرگۈچ. |
rubbish | ①n. ئەخلەت، تاشلاندۇق، كېرەكسىز نەرسىلەر. ② قۇرۇق گەپ، بىكار گەپ، خام خىيال، بولمىغۇر ئوي. |
ruby | ①n. قىزىل ياقۇت. ② قىپقىزىل رەڭ. |
rudder | n. رول (كېمە ياكى ئايروپىلاننىڭ). |
rude | ①adj. قوپال، ئەدەبسىز، پالاكەت، تەربىيىلەنمىگەن. ② قاتتىق، شىددەتلىك. ③ ئېچىلمىغان؛ ئىپتىدائىي. ④ يىرىك، ئاددىي. |
ruffle | ①v.Ⅰ داۋالغۇماق، تۈرمەك، تۈرۈلمەك، پۈرلەشمەك، پۈرلەشتۈرمەك، قاتلاشماق، قاتلاشتۇرماق. ③ ئاچچىقلانماق، ئاچچىقىنى كەلتۈرمەك، تېرىكمەك، تېرىكتۈرمەك؛ ۋارقىراپ جارقىرىماق. ④ قالايمىقانلاشماق، قالايمىقانلاشتۇرماق. ①n.Ⅱ پۈرمە، پۈرۈم. ② قورۇق. |
rug | n. (كىچىك) گىلەم. |
rugged | ①adj. ئېگىز-پەس. ② قورۇق، قورۇق باسقان، پۈرۈلگەن، پۈرلەشكەن، تۈرۈلگەن. ③ قوپال، قاتتىق، كەسكىن. ④ قىيىن، تەس، مۇشەققەتلىك. ④ (ئامېرىكا تىلىدا) ساغلام، قاۋۇل، كۈچلۈك. |
ruin | ①n.Ⅰ يوقىلىش، گۇمران بولۇش، ھالاكەت. ② بالايىئاپەت يىلتىزى. ③ خارابە، خارابىلىك. v.Ⅱ يوقاتماق، گۇمران قىلماق، ھالاك قىلماق، بىتچىت قىلماق. |
rule | ①n.Ⅰ قائىدە، تەرتىپ، نىزام. ② قانۇن، دائىمىي تەرتىپ، قائىدە-يوسۇن، ئادەت. ③ ھۆكۈمرانلىق قىلىش. ④ سىزغۇچ. ①v.Ⅱ باشقۇرماق، ھۆكۈمرانلىق قىلماق. ② ھۆكۈم قىلماق. ③ سىزىق سىزماق (سىزغۇچ قويۇپ). |
ruler | ①n. ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى، باشقۇرغۇچى. ③ سىزغۇچ. |
ruling | adj.Ⅰ ھۆكۈمران، ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان. n.Ⅱ كېسىم، ھۆكۈم (قىلىش). |
rumo(u)r | n.Ⅰ سۆز-چۆچەك، مىش-مىش گەپ، ئىغۋا، پىتنە-پاسات. v.Ⅱ ئىغۋا تارقاتماق، پىتنە-پاسات تارقاتماق. |
run | v.Ⅰ (ran ؛ run ؛ run ning) ① يۈگۈرمەك، چاپماق، چاپتۇرماق. ② ماڭماق، يۈرمەك (ماشىنا، پويىز، كېمە ۋە باشقىلار). ③ ئايلانماق، ئايلاندۇرماق. ④ سوزماق، سوزۇلماق، داۋاملاشتۇرماق. ⑦ (سۇ) ئاقماق. ⑧ ... بولۇپ قالماق (كالىدىن سۈت چىقمايدىغان، قۇدۇققا سۇ يىغىلمايدىغان بولۇپ قالماق). ⑨ يۈگۈرتمەك (كۆزىنى). 01 يېزىلماق. 11 قاچماق، قاچۇرماق. 21 ئۆتمەك، ئۆتكۈزمەك. 31 سانجىماق، سانجىلماق. 41 ئۇرۇلماق. 51 باشقۇرماق، ئىدارە قىلماق؛ ھەيدىمەك، ئىشلەتمەك. 61 سايلام رىقابىتىگە قاتناشماق، مۇسابىقىلاشماق، تاسادىپىي ئۇچرىماق run after/ ئىزدىمەك، ئىنتىلمەك ① run down توختاپ قالماق. ② ئاجىزلاشماق run low / كەملىك قىلماق؛ خورىماق، سەرپ بولماق ① run out/ تۈگىمەك، تۈگەتمەك، ئاخىرلاشماق، ئاخىرلاشتۇرماق. ② تومپىيىپ چىقىپ تۇرماق. ③ سوزماق، سوزۇلماق، كېڭەيمەك، كېڭەيتمەك ① run over/ تاشماق، تېشىپ كەتمەك؛ ئاشماق، ئېشىپ چۈشمەك. ② كۆزدىن كەچۈرمەك، تەكرارلىماق. ③ (ماشىنا) سوقۇۋەتمەك، بېسىۋالماق ① run through/ (پۇل) تۈگىمەك، تۈگەتمەك، ئىسراپچىلىق قىلماق. ② كۆزدىن كەچۈرمەك ① run up/ ئۆرلىمەك، ئۆرلەتمەك، كۆتۈرمەك، كۆتۈرۈلمەك. ② ئالدىراپ-تېنەپ ياسىماق، ئوپۇل-توپۇل تىكلەپ قويماق. ①n.Ⅱ يۈگۈرۈش، چېپىش، قېچىش. ② داۋاملىشىش، داۋاملاشتۇرۇش. ③ ئايلىنىش، ئايلاندۇرۇش. |
rung | v. ← ring. |
runner | ①n. يۈگۈرگۈچى، يۈگۈرۈش سپورتچىسى. ② خەۋەرچى. |
running | ①adj.Ⅰ ئارقا-ئارقىدىن، ئۈزلۈكسىز، كەينى-كەينىدىن. ② يۈگۈرۈش؛ ئاقىدىغان: 〈 running water〉 ۋودوپروۋود سۈيى. ①n.Ⅱ يۈگۈرۈش، يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى. ② ئايلىنىش، ئايلاندۇرۇش، ئىشلەش، ئىشلىتىش. |
rural | n. يېزا، سەھرا، يېزا ئىگىلىك. |
rush | ①v.Ⅰ ئېتىلماق، بۆسۈپ ئۆتمەك، بۇزۇپ ئۆتمەك، شىددەتلىك زەربە بەرمەك. ② سۈيلىمەك، ھەيدەكچىلىك قىلماق، ئالدىرىماق، ئالدىراتماق. ①n.Ⅱ ئېتىلىش، ئېتىلىپ كىرىش، بۇزۇپ ئۆتۈش، شىددەتلىك زەربە بېرىش. ② زۆرۈر لازىم بولۇش، جىددىي مۇھتاج بولۇش. ③ تالىشىپ سېتىۋېلىش. adj.Ⅲ جىددىي، ئالدىراش؛ جىددىي ئورۇنلىنىش، تەلەپ قىلىنىدىغان (بۇيرۇق). |
Russian | ①adj.Ⅰ رۇس، رۇسنىڭ. ② رۇسچە، رۇس تىلىنىڭ. ①n.Ⅱ رۇس. ② تۇس تىلى. |
rust | ①n.Ⅰ دات. ② <ئۆسۈملۈك> ھال كېسىلى. v.Ⅱ داتلاشماق، دات باسماق، داتلاشتۇرماق. |
rustic | ①adj.Ⅰ يېزا، يېزىنىڭ، يېزىچە، سەھرا، سەھرانىڭ، سەھراچە، سەھرايى. ② ساددا، سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل. n.Ⅱ سەھرالىق، دېھقان تېرىقچى. |
rustle | n. شىلدىر-شىلدىر، شىر-شىر (شامالنىڭ دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپ قاتارلىقلارغا ئۇرۇلۇشىدىن پەيدا بولغان ئاۋاز). |
rusty | adj. داتلاشقان. |
Ry. | Rail way. |
rye | n. قارا بۇغداي؛ يالىڭاچ ئارپا. |