A
B
C
D
E
F
G
H
I
10 J
11 K
12 L
13 M
14 N
15 O
16 P
17 Q
18 R
19 S
20 T
21 U
22 V
23 W
24 X
25 Y
26 Z

17 Q🔗

Q,q

ئىنگلىز تىلى ئېلىپبەسىنىڭ ئون يەتتىنچى ھەرپى

q.

question.

qt.

quart(s).

quack

v.Ⅰ (ئۆردەك) غاقىلدىماق. n.Ⅱ (ئۆردەك) غاق-غاق، غاقىلداش، غاقىلداش ئاۋازى.

quaint

adj. ئاجايىپ، غەيرىي، غەلىتە، ئاجايىپ-غارايىپ.

qualify

①v.ھۆددىسىدىن چىقماق، ھۆددىسىدىن چىقارماق؛ئۆلچەمگە مۇۋاپىقلاشتۇرماق، لاياقىتى توشماق. ② چەكلىمەك. ③ئېنىقلىماق:Adjectives qualify nouns سۈپەتلەر ئىسمىنى ئېنىقلايدۇ.

quality

①n. خاراكتېر، خۇسۇسىيەت. ② سۈپەت. ③ پەزىلەت، ئەخلاق.

quantity

①n. مىقدار؛ سان. ② زور مىقداردا، كۆپلەپ، نۇرغۇنلىغان.

quarrel

n.Ⅰ غەلۋە، تالاش-تارتىش، جېدەل، جېدەللىشىش، ئېيتىشىش، تاكاللىشىش، زاكونلىشىش. v.Ⅱ ( quarrel led؛ quarrel led؛ quarrel ling)① غەلۋە قىلماق، تالاشماق، تاكاللاشماق، جېدەل قىلماق، ئېيتىشماق، زاكونلاشماق. ② پۇتاق چىقارماق، چاتاق چىقارماق. ③ رەنجىمەك، ئاغرىنماق.

quarry

n.Ⅰ تاش كان، تاش قېزىش مەيدانى. v.Ⅱ تاش قازماق، تاش كولىماق.

quarter

①n.Ⅰ تۆتتىن بىر، ئونبەش مىنۇت، چارەك. ② بىر پەسىل، ئۈچ ئاي. ③ نىشان، تەرەپ، جاي، ئورۇن، جەھەت. ①v.Ⅱ تۆتكە بۆلمەك... ② ئورۇنلاشماق، قارارگاھ قۇرۇپ ئورۇنلاشماق.

queen

n. خانىش (پادىشاھنىڭ ئايىلى)، ئايال پادىشاھ؛ پەرزىن.

queer

①adj. غەلىتە، ئاجايىپ، ئاجايىپ-غارايىپ. ② گۇمانلىق، شۈبھىلىك. ③ قولايسىز، ئەپسىز؛ يارامسىز.

quench

①v. (ئوت) ئۆچۈرمەك. ② يوقاتماق، يوقالماق، باسماق، بېسىلماق (ئارزۇ، ئىستەك، ئۇسسۇزلۇق قاتارلىقلار). سۇغارماق(قىزىتىلغان تۆمۈرنى).

quest

n.Ⅱ ئىزدەش، ئىزدىنىش. v.Ⅱ ئىزدىمەك، ئىزدەنمەك in quest of ‖ ئىزدەش، ئىزدىنىش.

question

①n.Ⅰ ئېنىقسىز مەسىلە، سوراق، سوئال. ② <گرامماتىكا> سوراق جۈملە، سوئال جۈملە. ③ مەسىلە beyond question شۈبھىسىز، سۆزسىز out of question / شۈبھىسىز، سۆزسىز out of the question / ناتايىن، مۇمكىن بولمايدىغان. ①v.Ⅱ سورىماق، سوئال سورىماق، سوئال قويماق، سوراق قىلماق. ② گۇمان قىلماق، گۇمانلانماق.

quick

①adj.Ⅰ تېز، چاققان، ئىتتىك، ئىلدام، چاپسان. ② ئۆتكۈر، سەزگۈر. ③ ئاچچىقى يامان، مىجەزى چۇس: a quick temper مىجەزى ئىتتىك. dv.Ⅱ (جانلىق تىلدا) تېز، چاپسان، ئىلدام، ئىتتىك.

quicken

①v. ئىتتىكلەتمەك، تېزلەتمەك، تېزلەشمەك. ② ئىلھام بەرمەك، روھلاندۇرماق، رىغبەتلەنمەك، رىغبەتلەندۈرمەك.

quickly

dv. تېز، ئىلدام، ئىتتىك، چاپسان.

quiet

①adj. تىنچ، تىپتىنچ، جىم، جىمجىت: Be quiet ! تىنچ! ② ئېغىر-بېسىق، ياۋاش، مۇلايىم. ③ خاتىرجەم، ئامان-ئېسەن.

quietly

dv. تىنچ، جىمجىت، ئېغىر-بېسىق، خاتىرجەم.

quilt

n. يوتقان.

quinine

>n. مېدىتسىنا< خىنىن.

quit

v. ( quit ted؛ quit ted؛ quit ting )① توختىماق، توختاتماق: quit work خىزمىتىنى توختاتماق. ② ئايرىلماق، چېكىنمەك: quit office خىزمەتتىن چېكىنمەك.

quite

①dv. ئىنتايىن، بەك. ② خېلىلا، خېلى: It is quite hot. ھاۋا خېلىلا ئىسسىق. ③ تامامەن، پۈتۈنلەي: I quite agree. تامامەن قوشۇلىمەن.

quiver

v. تىترىمەك، تىترەتمەك، تەۋرىمەك، تەۋرەتمەك، سىلكىمەك، سىلكىنمەك: to quiver with cold سوغۇقتا توڭۇپ تىترەپ كەتمەك.

quiz

n. سىناق، ئىمتىھان، سوئال.

quotation

①n. دەلىل، نەقىل. ② <سۆز> ئۈزۈندى.

quote

①v. نەقىل كەلتۈرمەك، دەلىل كەلتۈرمەك. ② باھا بەرمەك، باھالىماق.