5 E
E,e | ئىنگلىز تىلى ئېلىپبەسىنىڭ بەشىنچى ھەرپى |
e.g. | for example. |
each | adj.Ⅰھەر، ھەر بىر، ھەرقايسى. pron.Ⅱ ھەر، ھەرقايسى، ھەر كىم each other ‖ ئۆزئارا. |
eager | ①adj. تەشنالىق، تەشنا بولغان، ئىنتىزارلىق، ئىنتىزار بولغان. ② قىزغىن. |
eagerly | dv. تەشنالىق بىلەن، ئىنتىزارلىق بىلەن، تاقەتسىزلىك بىلەن. |
eagle | n. بۈركۈت. |
ear 1 | n. قۇلاق be in the ear 1 ‖ باشاق چىقارماق. |
ear 2 | ①n. قۇلاق. ② ئاڭلاش ئىقتىدارى be all ear 2 s ‖ تىڭشىماق، زەڭ قويۇپ ئاڭلىماق give ear 2 to …/ تىڭشىماق، ئاڭلىماق the ear 2 s set by/ ئارىنى بۇزماق turna deaf ear 2 to / قۇلاق الماسلىق، ئاڭلىماسلىق، پاڭ بولىۋالماق. |
earl | n. گراف(فېئودال ئاقسۆڭەكلەر دەرىجىسىنىڭ ئۈچىنچىسى). |
early | ①adj.Ⅰ بۇرۇن پىشىدىغان (مېۋە). ② ئەتىگەن، بالدۇر. ③ دەسلەپكى، دەسلەپكى مەزگىلدىكى dv.Ⅱ بالدۇر، ئەتىگەن. |
earn | v. تاپماق، ئىگە بولماق، ئېرىشمەك، مۇۋەپىق بولماق، مۇيەسسەر بولماق: earn one,s livehood (living) تىرىكچىلىك قىلماق، جان باقماق، جاھاندارچىلىق قىلماق. |
earnest | adj.Ⅰ ئەستايىدىل، ئىخلاسلىق، سەمىمىي. n.Ⅱ ئەستايىدىللىق، ئىخلاس، سەمىمىيەت. |
earnestly | dv. ئەستايىدىللىق بىلەن، ئىىلاس قىلىپ، سەمىمىي ھالدا. |
earphone | n. نائۇشنىك. |
earth | ①n. يەر شارى. ② يەر، قۇرۇقلۇق. ③ لاي، پاتقاق. ④ تۇپراق. |
earthenware | ساپال قاچا، ساپال ئەسۋاب |
earthly | ①adj. بۇ دۇنيادىكى، بۇ دۇنيالىق. بۇ ئالەملىك. ② (جانلىق تىلدا) ئىمكان بولغان، مۇمكىن بولىدىغان. |
earthquake | n. يەر تەۋرەش. |
ease | ①n.Ⅰ ئوڭايلىق، قولايلىق. ② خاتىرجەملىك. ot (one,s) ease ‖ ئەركىن، ئازادە ill at ease / ئەيمەنمەك، قورۇنماق setsb.at ease / بىراۋنى خاتىرجەم قىلماق take(one,s) ease / قورۇنماسلىق، تارتىنماسلىق with ease / ئوڭايلا، ئاسانلا، ئاسانلىق بىلەن. |
easel | رەسىم جازىسى |
easily | ①dv. ئاسان، ئاسانلا، ئوڭاي، ئوڭايلا. ② راۋان. ③ شۈبھىسىز. ④ ئازادە. |
east | n.Ⅰ شەرق، كۈن چىقىش تەرەپ. adj.Ⅱ شەرقىي، شەرقتىن كەلگەن. dv.Ⅲ شەرققە، شەرقتە. |
easter | n. (خرىستىئان دىنىدا) پاسخا بايرىمى. |
eastern | adj. شەرقىي، شەرقتىكى، كۈن چىقىشتىكى، كۈن چىقىش تەرەپتىكى. |
easy | ①adj.Ⅰ ئاسان، ئوڭاي. ② ئازادە، ھۇزۇرلۇق، راھەتلىنەرلىك. ③ بىمالال، ئەركىن-ئازادە. ①dv.Ⅱ ئاسان، ئاسانلا، ئوڭايلا. ② ئازادە، ئارامخۇدا، بەخىرامان. take it easy ‖ ئالدىرىماڭ، تەشۋىشلەنمەڭ، جىددىيلەشمەڭ. |
eat | v. ate ؛ eat en )① يېمەك. ② ئىچمەك. ③ چىرىمەك، بۇزۇلماق. |
eaten | v. →eat. |
ebb | ① دېڭىز سۈيىنىڭ پەسىيىشى. ② ئاجىزلاشماق، بوشاشماق، كەينىگە كەتمەك. |
ebony | ① قارا ئەبنوس. ② قارا ئەبنوس ياغىچى. |
eccentrie | ئاجايىپ، غەيرى، غەلىتە |
echo | n.Ⅰ ئەكس سادا. ② ئەكس دولقۇن. ①v.Ⅱ ئەكس سادا چىقارماق، ئاۋاز قايتۇرماق. ② دورىماق. |
eclair | تورت (شاكىلات، ماي بىلەن پىشۇرۇلغان). |
eclipse | 〉 ①n.Ⅰئاسترونومىيە〈 تۇتۇلۇش. (كۈن، ئاي قاتارلىقلار).②قايمۇقتۇرۇش، كۆز بويامچىلىق.③مەھرۇم قېلىش (ھوقۇق، ئابرۇي قاتارلىقلاردىن).①v.Ⅱتۇتۇلماق (كۈن، ئاي قاتارلىقلار).②قايمۇقتۇرماق، كۆز بويىماق. |
economic | adj. ئىقتىسادىي. |
economics | n. ئىقتىسادشۇناسلىق. |
economist | ئىقتىسادشۇناس. |
economy | ①n. ئىقتىساد، ئىگىلىك. ② ئىقتىسادچىللىق، تېجەشلىك. ③ ئىقتىسادىي تۈزۈم، ئىقتىسادىي ئورگان. |
ecstasy | چەكسىز خۇشال بولماق. |
eddy | قاينام، گىرداب. |
eden | ①n. باغىئىرەم (ئىنجىل كىتابلىرىدا تەسۋىرلەنگەن جەننەت). ② جەننەت. |
edge | ①n. پىچاق بىسى، چەت. ياقا، كىرۋەك، قىرغاق.①v.Ⅱ ئىتتىكلەتمەك، ئۆتكۈرلەشتۈرمەك. ② جىيەك تۇتماق. ③ يانچىلاپ ماڭماق، يانچىلاپ كىرمەك. |
edifice | n. ئېگىز بىنا، ئىمارەت، قۇرۇلۇش. |
edit | تەھرىرلىك، مۇھەررىرلىك. |
edition | n. نەشر، نۇسخا، كىتاب ئەۋرىشكىسى. |
editor | n. تەھرىر، مۇھەررىر. |
editorial | adj.Ⅰ تەھرىرلىك. n.Ⅱ باش ماقالە. |
educate | ①v. تەربىيىلىمەك، ئۆگەتمەك، يېتىشتۈرمەك. ② مەكتەپ تەربىيىسىنى ئالماق. |
education | n. مائارىپ، تەلىم-تەربىيە. |
educational | adj. مائارىپ، مائارىپنىڭ. |
eel | يىلان بىلىق. |
effect | ①n.Ⅰ نەتىجە، ئۈنۈم، پايدا. ② مەنە، مەزمۇن. ③ تەسىر، رول. ④ (كۆپلۈك ئىشلىتىلگەندە) كۆچمە مۈلۈك، ئائىلە مۈلكى. ①v.Ⅱ قوزغىماق. ② ئەمەلگە ئاشماق، ئەمەلگە ئاشۇرماق. |
effective | ①adj. پايدىلىق، ئۈنۈملۈك. ② تەسىرلىك، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان. ③ كۈچكە ئىگە (قانۇندا). |
efficiency | n. ئۈنۈم. |
efficient | ①adj. ئۈنۈملۈك، كۈچكە ئىگە. ② ياراملىق، قابىل، قابىلىيەتلىك، كۈچلۈك. |
effort | ①n. تىرىشىش، تىرىشچانلىق، ئۇرۇنۇش، ئىنتىلىش. ② نەتىجە. |
egg | n. تۇخۇم. |
eggplant | چەيزە، (پىدىگەن). |
ego | ئۆزىنى، ئۆز-ئۆزىنى. |
egoism | نەپسانىيەتچىلىك، مەنپەئەتپەرەسلىك. |
egotist | شەخسىيەتچى، نەپسانىيەتچى. |
Egypt | مىسىر. |
Egyptian | adj.Ⅰ مىسىرنىڭ، مىسىرچە، مىسىرلىقلارنىڭ. n.Ⅱ مىسىرلىق، مىسىر تىلى. |
eight | num. سەككىز. |
eighteen | num. ئون سەككىز. |
eighteenth | ①num. ئون سەككىزىنچى. ② ئون سەككىزدىن بىر. |
eighth | ①num. سەككىزىنچى. ② سەككىزدىن بىر. |
eightieth | ①num. سەكسىنىنچى. ② سەكسەندىن بىر. |
eighty | num سەكسەن. |
either | ①adj.Ⅰ (ئىككىسىدىن) خالىغان بىرى، ئۇ ياكى بۇ، خالىغان بىرى، مەلۇم بىرى. dv.Ⅱ (ئىنكار جۈملىلەردە) ... مۇ؛ 1 don,t speak either . مەنمۇ دېيەلمەيمەن. pron.Ⅱ(ئىككىسىدىن) خالىغان بىرى، مەلۇم بىرى؛Either of them will agree to this arrangement. بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى قوشۇلىدۇ. dv.Ⅲ (ئىنكار جۈملىلەردە) ... مۇ. If you do not go, I shall not either . سەن بارمىساڭ، مەنمۇ بارمايمەن. conj.Ⅳ (or بىلەن بىرگە كېلىدۇ) ياكى، ياكى بولمىسا؛ Either you or I am to go. ياكى سەن بار، ياكى بولمىسا مەن باراي Come either today / or tomorrow بۈگۈن ياكى بولمىسا ئەتە كەل. |
eject | قوغلاپ چىقارماق، ھەيدەپ چىقارماق، سۈرۈپ چىقارماق، ھەيدىمەك، سۈرمەك. |
elaborate 1 | adj. تازا باش قاتۇرغان، باش قاتۇرىدىغان، كۆڭۈل قويغان. |
elaborate 2 | v.ياخشى يولغا قويماق، ياخشى قىلماق، كۆڭۈل قويۇپ قىلماق، كۆڭۈل قويۇپ ياسىماق، تەپسىلىي تەسۋىرلىمەك. |
elapse 1 | تېز ئۆتۈپ كەتمەك، خۇددى ئاققان سۇدەك ئۆتۈپ كەتمەك (ۋاقىت). |
elapse 2 | v. (ۋاقىت) ئۆتمەك. |
elastic | ①adj.Ⅰ ئېلاستىك، ئېلاستىكىلىق. ② جانلىق. ③ ئەۋرىشىملىك. n.Ⅱ رېزىنكە: رېزىنكە بوغقۇچ، رېزىنكە تاسما. |
elbow | ①n. جەينەك. ② ئەگمە. |
elder | adj.Ⅰ (old نىڭ سېلىشتۇرما دەرىجىسى) ياشانغان، پېشقەدەم، يېشى چوڭ. n.Ⅱ ياشانغانلار، يېشى چوڭلار، پېشقەدەم elder brother‖ ئاكا elder sister / ھەدە، ئاچا. |
eldest | adj. ئەڭ چوڭ، يېشى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ياشانغان. |
elect | ①v.Ⅰ سايلىماق. ② تاللىماق. adj.Ⅱ سايلانغان. |
election | ①n. سايلام. ② تاللاش، تاللىۋېلىش. |
electric | adj. توك، ئېلېكترلىك. |
electrical | adj. ئېلېكتر، ئېلېكترلىك. |
electrician | توكچى. |
electricity | n. ئېلېكتر، توك، ئېلېكتر ئىلمى. |
electrification | n. ئېلېكترلىشىش. |
electrocardiogram | شىندىئەنتۇ، ئېلېكترو كاردىئوگرامما (يۈرەك پائالىيىتىنىڭ مەخسۇس ماشىنا ئارقىلىق قەغەزگە چۈشۈرۈلگەن دولقۇنسىمان سۈرىتى). |
electrode | n. ئېلېكترود، ئېلېكتر قۇتۇپى. |
electroencephalogram | ناۋدىئەنتۇ (مىڭە پائالىيىتىنىڭ ماشىنا ئارقىلىق قەغەزگە چۈشۈرۈلگەن سۈرىتى). |
electrolysis 1 | n. ئېلېكترولىز. |
electrolysis 2 | ئېلېكترولىز قىلماق (خىمىيە) |
electrolyze | electrolysis. |
electromagnet | ئېلېكترو ماگنىت. |
electron | n. ئېلېكترون. |
electronic | adj. ئېلېكترون، ئېلېكترونلۇق. |
electroplate | ئېلېكتر بىلەن ھەل بەرمەك، ئېلېكتر ئارقىلىق ھەل يالاتماق. |
elegant | adj. نەپىس، زىبا، گۈزەل، كېلىشكەن. |
element | ①n. <خىمىيە> ئېلېمېنت. ② مۇھىم ئامىل. ③ تەركىب، تەركىبىي قىسىم. ④ (كۆپلۈك ئىشلىتىلگەندە) تەبىئىي كۈچ. ⑤ بوران-چاپقۇن. |
elementary | ①adj. دەسلەپكى، ئىپتىدائىي، باشلانغۇچ. ② ئاساسىي. |
elephant | n. پىل. |
elevate | v. ئۆستۈرمەك، يۇقىرى كۆتۈرمەك. |
elevator | ①n. (ئامېرىكا تىلىدا) لىفت.②ئېلېۋاتور (ئايروپىلاننىڭ يۇقىرى ئۆرلەش، تۆۋەنلەش رولى).③ساڭ، ئامبار. |
eleven | num. ئون بىر (11). |
eleventh | ①num. ئون بىرىنچى. ② ئون بىردىن بىر. |
elf | 〈elves 〉 n. زېرەك، شوخ، كەپسىز. |
eligible | ئۆلچەمگە توشماق، ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كەلمەك. |
eliminate | v. چىقىرىپ تاشلىماق، چىقىرىۋەتمەك، ئېلىپ تاشلىماق، ئېلىۋەتمەك. |
elk | قانداغاي (ھايۋانات). |
ellipse | 〉n.ماتېماتىكا〈ئېللىپىس. |
elliptic, elliptical | ①adj. ئېللىپىس. ② <گرامماتېكا> قىسقارتىلما، قىسقارتىلغان. |
elm | n. قارىياغاچ، قارىياغاچ دەرىخى. |
elope | قاچماق، قېچىپ كەتمەك. |
eloquence | ①n. مۇنازىرە. ② سۆز قابىلىيىتى؛ ناتىقلىق. |
eloquent | ①adj. قايىل قىلارلىق، قايىل قىلىدىغان، قايىل قىلغۇدەك. ② ناتىق. |
else | dv.Ⅰ باشقا، ئۆزگە، بۇندىن باشقا، ئۇندىن تاشقىرى. conj.Ⅱ بولمىسا، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇنداق قىلمىغاندا. |
elsewhere | dv. باشقا جايدا، باشقا جايغا. |
elude | قاچماق، چەتنىمەك، باش تارتماق، ئۆزىنى قاچۇرماق. |
emancipate | v. ئازاد قىلماق. |
emancipation | n. ئازاد، ئازاد قىلىش، ئازاد بولۇش، قەد كۆتۈرۈش. |
embankment | قاش (دەريا قېشى) يول ئۇلى. |
embargo | ① سودىنى توسماق. ② ئىمبارگو، چەكلىمە، چەكلەش، مەنئىي قىلماق، توسماق. |
embark | ① پاراخوتقا چىقماق. ② باشلاش. ③ شۇغۇللانماق، ئېلىپ بارماق، مەشغۇل بولماق. |
embarrass | ①v. ئوڭايسىزلانماق، ئوڭايىزلاندۇرماق، تەڭلىكتە قالدۇرماق. ② توسقۇنلۇق قىلماق، توسالغۇ بولماق، دەخلى قىلماق. |
embassy | n. كونسۇلخانا. |
embelish | زىننەتلىمەك، بېزىمەك، ياسىماق، پەردەزلىمەك. |
ember | ① ئوت قالدۇقى، كۈل. ② قالدى-قاقتى. |
embezzle | سۈيئىستېمال قىلماق، ئوغرىلىقچەئىشلەتمەك. |
emblem | ① بەلگە، ئالامەت، سىمۋول. ② كۆرسەتمەك، بىلدۈرمەك، ئىپادىلىمەك. |
embody | ①v. گەۋدىلەنمەك، گەۋدىلەندۈرمەك، ئىپادىلەپ بەرمەك. ② ئۆز ئىچىگە ئالماق. |
embrace | ①v.Ⅰ قۇچاقلىماق، قۇچاقلاپ كۆتۈرمەك، قۇچاقلاشماق. ② قوبۇل قىلماق، پايدىلانماق، ئىشلەتمەك. ③ ئىچىگە ئالماق، ئۆز ئىچىگە ئالماق. ①n.Ⅱ قۇچاقلاش، قۇچاقلىشىش. ② قوبۇل قىلىش. |
embroider | v. كەشتە تىكمەك، گۈل چەكمەك، گۈل تىكمەك. |
embroidery | n. كەشتە، نەقىش. |
embryo | ① تۆرەلمە. ② باشلانما. ③ قۇيما. |
emend | توغرىلىماق، تۈزەتمەك. |
emerald | يېشىل گۆھەر. |
emerge | v. پەيدا بولماق: گەۋدىلەنمەك، پاش بولماق، مەيدانغا كەلمەك. |
emergence | n. پەيدا بولۇش؛ گەۋدىلىنىش، كۆز ئالدىغا كېلىش. |
emergency | ①n. ۋەقە.② ئۆزگىرىش.③ جىددىي پەيت.an emergency door‖ئېھتىيات ئىشىكىan emergency act/جىددىي پەرمان. |
emery | كاربورۇند، كرېمنىي كاربىدى |
emigrant | n. مۇھاجىر، كۆچمەنلەر. |
emigrate | v. چەت ئەلگە چىقىپ كەتمەك، چەت ئەلگ بېرىپ ماكانلاشماق. |
eminent | ①adj. كۆزگە كۆرۈنگەن، مەشھۇر، ئاتاقلىق، داڭدار. ② ئەلا سۈپەتلىك. |
emission | تارقاتماق، چاچماق، ئاتماق، قويۇپ بەرمەك. |
emit | emission. |
emotion | ①n. كەيپىيات، كەيپ. ② خۇي. ③ ھېسسىيات. |
emperor | n. پادىشاھ، خان، شاھ. |
emphasis | n. (كۆپلۈكى ) تەكىتلەش. |
emphasize, emphasise | v. تەكىتلىمەك، مۇھىم ئورۇنغا قويماق. |
empire | n. ئىمپېرىيە. |
empirical | تەجرىبىچىلىك. |
empiricism | n. تەجرىبىچىلىك. |
employ | ①v.Ⅰ ياللىماق، ئىشلەتمەك، سەرپ قىلماق (ۋاقىت). n.Ⅱ ياللاش، ياللىنىش، ياللانما. |
employee | n. ياللانما، ياللانما خادىم، مەدىكار، ياللانما خىزمەتچى. |
employer | n. ياللىغۇچى، خوجايىن. |
employment | ①n. ياللاش، ياللىنىش، ئىشلىتىش. ② ئىش، خىزمەت. |
empress | n. ئايال پادىشاھ، خانىش. |
empty | ①adj.Ⅰ قۇرۇق، بوش. ② (جانلىق تىلدا) ئاچ، ئاچ قورساق. n.Ⅱ (دائىم كۆپلۈك ئىشلىتىلىدۇ). ① قۇرۇق ساندۇق. ② قۇرۇق ئاپتوموبىل. ③ قۇرۇق بوتۇلكا. ①v.Ⅲ قۇرۇتماق، قۇرۇقدىماق، بوشاتماق. ② ئاقماق، ئېقىپ كىرمەك. |
emulation | n. مۇسابىقە. |
emulsion | ئومۇلىسىيە (خىمىيە). |
enable | v. ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلماق، ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرمەك. |
enamel | ① ئىمال، سىر. ② سىر (تۆمۈر ئەسۋاپلارغا بېرىلىدىغان سىر). |
enchant | ①v. مەپتۇن قىلماق، مەپتۇن بولماق. ② ئازدۇرماق، قايمۇقتۇرماق، گاڭگىراتماق. |
encircle | قورشاۋ، مۇھاسىرە، قورشىۋالماق. |
enclose, inclose | ①v. قورشىماق، قورشىۋالماق. ② سالماق، سېلىپ قويماق، قوشۇپ قويماق (لىپاپقا). |
encore | ① قايتا، يەنە بىر قېتىم، تەكرارلىماق. ② جۆر بولۇپ ناخشا ئېيتماق. |
encounter | v.Ⅰ يولۇقماق، يولۇقۇپ قالماق، دۇچ كەلمەك، دوقۇرۇشماق. ①n.Ⅱ سەرگۈزەشت. ② ئۇچرىشىش جېڭى. |
encourage | v. ئىلھام بەرمەك؛ ئىلھاملاندۇرماق. رىغبەتلەندۈرمەك؛ روھلاندۇرماق. |
encouragement | n.ئىلھاملاندۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش. |
encroach | تەگمەك، تاجاۋۇز قىلماق، دەخلى-تەرۇز قىلماق، چېقىلماق، بېسىۋالماق، ئىگىلىۋالماق. |
encyclop(a)edia | n. ئېنسىكلوپېدىيە. |
end | ①n.Ⅰ ئۇچ، ئاياغ-ئۇچى، ئاخىرى، ئەڭ ئاخىرقى قىسمى. ② ئۇ بېشى. ③ ھالاكەت، ئۆلۈم. ④ مەقسەت، نىشان، مۇددىئا come to an end ‖ ئاياغلاشتۇرماق، تاماملىماق in the end / ئەڭ ئاخىرىدا، نەتىجىدە make an end of sth. / (مەلۇم بىر ئىشنى) ئاياغلاشتۇرماق، تۈگەتمەك putan end to sth./ ئاخىرلاشماق، توختىماق. v.Ⅱ ئاخىرلاشماق، ئاخىرلاشتۇرماق، تاماملىماق، تاماملانماق، ئاياغلاشتۇرماق. |
endanger | زىيان، زىيانداشلىق، زىيانكەشلىك قىلماق. |
endeavo(u)r | n.Ⅰ تىرىشىش. make every endeavo(u)r ‖ بارلىق كۈچى بىلەن، پۈتۈن زېھنى بىلەن. v.Ⅱ تىرىشماق. |
ending | ①n. ئاخىر، ئاخىرلىشىش، تۈگۈن. ② <گرامماتىكا> سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچە. |
endless | adj. تۈگىمەس، تۈگىمەيدىغان. |
endow | ①v. ماددىي ياردەم بەرمەك، ئىئانە قىلماق. ② بەرمەك (ئوردېن، ئۇنۋان قاتارلىقلارنى)، ئىگە بولماق. |
endure | ①v. سەۋر قىلماق، تاقەت قىلماق، چىدىماق، بەرداشلىق بەرمەك. ② ئۇزۇن داۋام قىلماق، ئۇزۇن داۋاملاشتۇرماق، ئۇزاققا سوزۇلماق، ئۇزاققا سوزماق. |
enemy | n.Ⅰ دۈشمەن. adj.Ⅱ دۈشمەنلىك. |
energetic | ①adj. كۈچلۈك، قۇدرەتلىك. ② روھلۇق، جانلىق، تېتىك، زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان. |
energy | ①n. زېھىن ۋە كۈچ، كۈچ-قۇۋۋەت، دەرمان، مادار. > ② فىزىكا< ئېنېرگىيە. |
enfold | قۇچاقلىماق، قۇچاقلاشماق. |
enforce | ①v. ئەمەلگە ئاشۇرماق، يۈرگۈزمەك، ئىجرا قىلماق، ئادا قىلماق > ② قانۇن<. مەجبۇرلىماق، زورلىماق. |
engage | ①v. ياللىماق. ② ئالدىن يېزىلماق، ئالدىن مۇشتەرى بولماق. ③ شۇغۇللانماق، مەشغۇل بولماق. ④ چاي ئىچكۈزمەك. ⑤ ھۇجۇم قىلماق، ... بىلەن جەڭ قىلماق. ⑥ ئۆزىگە تارتماق، جەلپ قىلماق. > ⑦ مېخانىكا< ئۇلىماق، ئۇلاشتۇرماق، تۇتاشماق، تۇتاشتۇرماق، چىشلەشمەك، چىشلەشتۈرمەك. |
engagement | ①n. ۋەدە، كېلىشىپ قويۇش، سۆزلىشىپ قويۇش. ② نىكاھ ئەھدىسى. ③ ئۇرۇش، جەڭ. |
engine | ①n. ماتور. ② پاراۋۇز. |
engineer | n.Ⅰ ئىنژېنېر. ② (ئامېرىكا تىلىدا) پويىز شوپۇرى. پاراۋۇز شوپۇرى. ①v.Ⅱ يېتەكچىلىك قىلماق، يېتەكلىمەك. ② پىلانلىماق، يول كۆرسەتمەك. |
engineering | n. ئىنژېنېرلىق ئىلمى. |
Englander | n. ئەنگلىيىلىك. |
English | adj.Ⅰ ئىنگلىزچە، ئەنگلىيىچە، ئەنگلىيىنىڭ، ئەنگلىيىلىكنىڭ. n.Ⅱ ئەنگلىيىلىك، ئىنگلىز. ② ئىنگلىز تىلى. |
Englishman | n. (Englishm ) ئەنگلىيىلىك، ئىنگلىز، ئەنگلىيىلىك ئەر. |
Englishwoman | n.(Englishwomen ) ئەنگلىيىلىك ئايال. |
enjoy | ①v. ئامراق بولماق، ھەۋەس قىلماق، ياخشى كۆرمەك. ② بەھرىمەن بولماق. ③ ھۇزۇرلانماق، راھەتلەنمەك. |
enlarge | ①v. چوڭايماق، چوڭايتماق (رەسىم). ② كېڭەيمەك، كېڭەيتمەك. enlarge upon ‖ تەپسىلىي سۆزلىمەك. |
enlighten | ① ئويغاتماق، قوزغىماق. ② ئىلھام بەرمەك، رىغبەتلەندۈرمەك. |
enlist | ① ئالماق، قوبۇل قىلماق (ئەسكەرلىككە). ② كۆزلىمەك، ئالماق. |
enormous | adj. غايەت زور، يوغان، كاتتا. |
enough | adj.Ⅱ يېتەرلىك، تولۇق. n.Ⅱ يېتەرلىك بولۇش، تولۇق بولۇش، قانائەتلىنىش. dv.Ⅲ يېتەرلىك، دېگەندەك. |
enquire | v. inquire. |
enrich | ①v.باي قىلماق، باياشات قىلماق.②مۇنبەتلەشتۈرمەك. |
enrol(l) | v. تىزىملىماق، رويخەتكە ئالماق. |
ensemble | ① پۈتۈن، بارلىق، ھەممە، ئومۇم، ئومۇمىيلىق. ② ئويۇن قويۇش ئەترىتى. |
enslave | قۇل قىلماق، قۇللۇققا چۈشۈرمەك. |
ensue | ①v. ئارقىدىنلا چىقماق؛ ئارقىدىنلا تۇغۇلماق. ② ئاقىۋەت چىقماق: what will ensue from بۇ نېمە ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ |
ensure | ①v. كاپەلەتلىك قىلماق. ② قوغدىماق، مۇھاپىزەت قىلماق. |
enter | ①v. كىرمەك. ② قاتناشماق. ③ يېزىلماق، تىزىمغا ئالدۇرماق، تىزىمغا ئالماق، يازماق. ④ باشلىماق، باشلانماق ① enter into‖ قاتناشماق. ② باشلىماق، كىرىشمەك enter upon باشلىماق، شۇغۇللانماق. |
enterprise | ①n. ئىش، كەسىپ.②كارخانا.③كەسىپدارلىق، كەسىپكە بولغان قىزغىنلىق، ئالغا ئىنتىلىش قىزغىنلىقى. |
entertain | ①v. كۈتۈۋالماق، مېھمان قىلماق. ② ئويۇن تاماشا قىلماق، ئويۇن-تاماشا قىلىپ بەرمەك، كۆڭۈل ئاچماق. ③ كۆزلىمەك (غايىنى). |
entertainment | ①n. مېھمان قىلىش، كۈتۈۋېلىش. ② ئويۇن-تاماشا، كۆڭۈل ئېچىش. |
enthusiasm | n. قىزغىنلىق، ئاكتىپلىق، تەشەببۇسكارلىق. |
enthusiastic | adj. قىزغىن. |
entice | v. قىزىقتۇرماق، قايمۇقتۇرماق، ئېزىقتۇرماق. |
entire | ①adj. پۈتكۈل، تۈگەل، ھەممە. .complete → ② |
entirely | dv. پۈتۈنلەي، تامامەن، ئومۇميۈزلۈك. ①v. ھوقۇق بەرمەك، لاياقەت بەرمەك. ② ئىسىم قويماق، نام بەرمەك، ئاتىماق. |
entity | ①n. مەۋجۇت، مەۋجۇدىيەت. ② ئەمەلىي نەرسە، ماددىي نەرسە. |
entrails | n. ئۈچەي. |
entrance 1 | ①n. كىرىش ئېغىزى، كىرىش ئىشىكى. ② ئىشىك. ③ كىرىش (مەيدان، ئوقۇش، نوپۇس قاتارلىقلارغا). ④ كىرىش ھوقۇقى (مەيدانغا). |
entrance 2 | ①v. خىيال سۈرمەك، خىيالغا كەتمەك. ② چەكسىز خۇشال قىلماق. |
entreat | v. ئىلتىماس قىلماق، تەلەپ قىلماق، مۇراجىئەت قىلماق، ئۆتۈنۈپ سورىماق. |
entrepreneur | n. كارخانىچى. |
entrust, intrust | v. تاپشۇرماق، ھاۋالە قىلماق. |
entry | ①n. كىرىش، مەيدانغا كىرىش، سەھنىگە چىقىش. ② كىرىش ئېغىزى، ئىشىك. ③ يېزىلىش، تىزىمغا ئالدۇرۇش، تىزىملىنىش. ④ نوپۇسقا كىرىش. |
enumerate | سان، سانىماق. |
enunciate | تەلەپپۇز. |
envelop 1 | ئورىماق، يۆگىمەك، تۈگمەك. |
envelope 2 | n. كونۋېرت، لىپاپ. |
envious | ①adj. ھەسەتخور، ئىچى تار. ② ھەۋەسمەن. |
environment | ①n. ئۆپچۆرە، ئەتراپ. ② شارائىت، مۇھىت. |
envisage | تەسەۋۋۇر، قىياس، ئارزۇ، ئۈمىد. |
envy 1 | ①n.Ⅰ ھەسەتخورلۇق، ھەسەتخورلۇق قىلىش. ② ھەۋەس، ھەۋەس قىلىش، زوقلىنىش. ③ ھەۋەسلەندۈرگۈچى، زوقلاندۇرغۇچى. ①v.Ⅱ ھەسەتخورلۇق قىلماق، ئىچى تارلىق قىلماق. ② قىزىقماق، ھەۋەس قىلماق. |
envy 2 | ھەسەتخور، ئىچى تار. |
enzyme | فېرمېنت (ئورگانىزم ھۈجەيرىلىرى پەيدا قىلىدىغان يىلىمسىمان ئورانىك ماددىلار). |
epaulet | epaulette.پاگون. |
epidemic | يۇقۇملۇق، تارقىلىشچان. |
epik | ① ئىپىك (شېئىر). ② ئۇلۇغ، ئۇلۇغۋار، زور، كاتتا. |
epitaph | قەبرە تەزكىرىسى. |
epitome | ① ئومۇملاشتۇرماق، يىغىنچاقلىماق. ② ئىخچام كۆرۈنۈش، كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈش. |
epoch 2 | n. دەۋر، يېڭى زامان. |
epoch 2 | n. يېڭى ئەسىر، يېڭى سەھىپە، يېڭى دەۋر. |
equal | adj.Ⅰ تەڭ، تەڭداش، باراۋەر، ئوخشاش، تەڭ دەرىجىلىك.n.Ⅱتەڭداش، تەڭداشلىق.v.Ⅲ( equal led، equal led، equal ling)①تەڭ بولماق، باراۋەر بولماق، ئوخشاش بولماق.②سېلىشتۇرغىلى بولماق. |
equalitarianism | n. تەڭ تەقسىماتچىلىق. |
equality | n. تەڭداشلىق، باراۋەرلىك. |
equally | dv. ئوخشاش، تەڭ، باراۋەر. |
equation | ① n. <ماتېماتىكا> تەڭلىمە، تەڭلىك. ② تەڭپۇڭلۇق. |
equator | n. ئېكۋاتور. |
equilibrium | تەڭپۇڭلۇق، مۇۋازىنەت. |
equip | v. ( equip ped، equip ped، equip ping) قوراللاندۇرماق، جابدۇماق. |
equipment | n. قورال-ياراغ، قورال-جابدۇق، ئەسۋاب-ئۈسكۈنە، جاھاز. |
equitable | ئادىللىق بىلەن، خالىسلىق بىلەن. |
equity | ئادىل، خالىس. |
equivalent | ①adj. تەڭ، تەڭداش، ئوخشاش، باراۋەر.〉 ②ماتېماتىكا〈تەڭ قىممەتلىك.〉 ③فىزىكا〈تەڭ ئۈنۈملۈك.〉 ④خىمىيە〈 ئېكۋىۋالېنت، تەڭ باراۋەرلىك. |
era | ①n. دەۋر. ② مىلادى. |
eradicate | تۈپتىن يوقاتماق، تۈپ يىلتىزىدىن يوقاتماق، يوق قىلماق، تۈگەتمەك. |
erect | adj.Ⅰ تىك؛ ئۆرە. v.Ⅱ تىكلىمەك؛ ئۆرە قىلماق. |
erode | چىرىتمەك، بۇزماق. |
err | v. خاتالاشماق، خاتالىق ئۆتكۈزمەك. |
errand | n. ۋاقىتلىق ۋەزىپە، ئەمەل، مەنسەپ. |
errata | n. ← erratum. |
erratic | غەيرىلىك، ئاجايىپلىق، غەلىتىلىك. |
erratum | n. (كۆپلۈكى errata ) ① بېسىلىش خاتالىقى. ② ئىملا خاتالىقى. ② (كۆپلۈك ئىشلىتىلگەندە) تۈزىتىش جەدۋىلى. |
erroneous | adj. خاتا، ناتوغرا: erroneous idea خاتا ئىدىيە، خاتا پىكىر. |
error | n. خاتالىق، نۇقسان، قۇسۇر. |
erupt | ① پارتلىماق، قوزغالماق. ② ئېتىلىپ چىقماق. ③ تاشماق. |
escalate | ① دەرىجىسى ئۆسمەك. ② سىنىپ كۆچمەك. |
escalator | توكلۇق پەلەمپەي. |
escape | ①v.Ⅰ قاچماق، قېچىپ چىقماق، قېچىپ قۇتۇلماق. ② ئۇنتۇماق، ئېسىگە كەلمەسلىك. ①n.Ⅱ قۇتۇلۇش، قېچىپ قۇتۇلۇش. ② (گاز، سۇ قاتارلىقلارنى) قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسى. |
escort 1 | مۇھاپىزەتچى، قوغدىغۇچى. |
escort 2 | مۇھاپىزەت قىلماق، قوغدىماق. |
esp. | especially. |
especial | adj.ئالاھىدە، ئاجايىپ، باشقىچە، پەۋقۇلئاددە. |
especially | dv. بولۇپمۇ، خۇسۇسەن. |
essay 1 | ①v. قىلماقچى بولماق، ئۇرۇنماق. ② سىناپ باقماق، ئۇرۇنۇپ كۆرمەك. |
essay 2 | n. نەسىر، نەسرىي ئەسەر، فېليەتون، ئەدەبىي پارچە. |
essence | ①n. ماھىيەت. ② مۇھىم ئامىل، جەۋھەر، مېغىز. |
essential | ①adj.Ⅰ ماھىيەتلىك. ② مېغىزلىق، ئاساسىي، ئاساسلىق. ③ زۆرۈر، كەم بولسا بولمايدىغان، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ① n.Ⅱ ماھىيەت. ② مۇھىم ئامىل، مۇھىم نۇقتا. |
essentially | ①dv. ماھىيەتتە، ماھىيەت جەھەتتىن. ② تۈپتىن. |
establish | ①v. قۇرماق، تىكلىمەك، تەسىس قىلماق. ② ئېنىق بەلگىلىمەك. |
establishment | ①n. قۇرۇش، تىكلەش، بەرپا قىلىش. ② قۇرۇلما، قۇرۇلغان ئورگان (مەسىلەن: زاۋۇت، مەكتەپ قاتارلىقلار). |
estate | ①n. يەر مۈلكى، ئاسارە. ② مۈلۈك، مال-مۈلۈك، بايلىق. ③ ھال-ئەھۋال. |
esteem | ①v.Ⅰ ھۆرمەتلىمەك، ھۆرمەت قىلماق. ② ... دەپ ھېسابلىماق. n.Ⅱ دەپ قارىماق، ھۆرمەت، ھۆرمەتلەش. |
estimate 1 | v. مۆلچەرلىمەك، تەخمىن قىلماق. |
estimate 2 | n. مۆلچەر، مۆلچەرلەش، تەخمىنلەش، تەخمىنەن ھېسابلاش. |
etc. | et cetera قاتارلىقلار. |
eternal | adj. مەڭگۈلۈك، ئەبەدىي. |
eternity | ①n. مەڭگۈلۈك، ئۆمۈرۋايەت، ئەبەدىيلىك. ② چەكسىزلىك. |
European | adj.Ⅰ ياۋروپا، ياۋروپاچە، ياۋروپانىڭ. n.Ⅱ ياۋروپالىق. |
evaluate | v. باھالىماق، باھا بەرمەك. |
evaporate | ①v. پارغا ئايلانماق، پارغا ئايلاندۇرماق. ② سۇسىزلاندۇرماق، سۇسىزلاندۇرۇلماق. |
evaporation | ①n. پارغا ئايلىنىش، سۇسىزلىنىش. |
eve | ①n. ئالدىنقى كېچە. ② ھارپا. |
even | ①adj.Ⅰ تۈز، تەكشى. ② تەڭ، ئوخشاش، باراۋەر. ③ قانۇنىيەتلىك. ④ جۈپ سانلىق، قوش سانلىق. ⑤ ئادىل. ①dv.Ⅱ ھەتتا، ھەتتاكى، ... مۇ. ② (سۈپەتلەرنىڭ سېلىشتۇرما دەرىجىلىرى بىلەن بىرگە كېلىدۇ) تېخىمۇ، يەنىلا. ③ دەل؛ ھازىرلا، ھېلىلا. ①v.Ⅲ تەكشىلەنمەك. ② ئوتتۇرا ھېساب قىلىنماق. ③ ئوخشاش بولماق، باراۋەر بولماق. |
evening | ①n. ئاخشام، كەچقۇرۇن. ② كەچلىك كۆڭۈل ئېچىش ①godd evening / ياخشى چۈش كۆرۈڭ، كەچلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن. ② (كەچلىك تاماقتىن باشلاپ ياتار چاغقىچە بولغان ئارىلىقتا بىراۋ بىلەن كۆرۈشكەندە ئېيتىلىدىغان ئېسەنلىك سوراش سۆزى) ياخشىمۇسىز. |
event | ①n. ۋەقە، ھادىسە. ② نەتىجە. ③ (تەنتەربىيە يىغىنلىرىدا) مۇسابىقە تۈرى. |
eventually | dv. ئەڭ ئاخىرىدا، ئاخىرىقى ھېسابتا. |
ever | dv. (پېئىلنىڭ ئالدىدا كېلىپ، ئىش ھەرىكەتنىڭ بولۇپ ئۆتكەنىكىنى بىلدۈرىدۇ) ① ھەرقاچان، ھەر زامان، ھەر دائىم. ② زادى. |
everlasting | adj. مەڭگۈ، مەڭگۈلۈك، ئەبەدىي، ئەبەدىل-ئەبەد. |
evermore | dv. مەڭگۈ، ئەبەدىي، ئۆمۈرۋايەت. |
every | ①adj. ھەر؛ ھەربىر: every day ھەر كۈنى every now and again / دائىم، ھەمىشە every other / ئارىلاپ. ② (ئابستراكت ئىسىملار بىلەن بىرگە كېلىدۇ) تولۇق، يېتەرلىك. |
everybody | pron. ھەركىم، ھەر كىشى، ھەممە ئادەم. |
everyday | adj.، كۈنلۈك، ھەر كۈنلۈك، كۈندىلىك. |
everyone | pron. ھەر كىم، ھەر بىر ئادەم، ھەممە ئادەم. |
everything | ①prom. ھەممە ئىش، ھەربىر ئىش. ② ھەممە نەرسە، ھەربىر نەرسە. ③ (كېسىم خەۋەر بولۇپ كېلىدۇ) ئەڭ مۇھىم ئىش، ئەڭ مۇھىم نەرسە. |
everywhere | dv. ھەر يەردە، ھەممە يەردە، ھەر جايدا. |
evict | قوغلاپ چىقارماق، ھەيدىمەك، قوغلىماق. |
evidence 1 | ① گۇۋاھلىق بەرمەك، ئىسپات قىلماق. ② گۇۋاھلىق قەغىزى، ئىسپات قەغىزى. ③ ھۆججەت، دەلىل، ئىسپات. |
evidence 2 | ①n. دەلىل، ئىسپات، ماددىي ئىسپات. ② قىياپەت، يۈرۈش-تۇرۇش. ③ روشەن، ئېنىق، روشەنلىك، ئېنىقلىق. |
evident | ①adj. روشەن، ئېنىق. ② چۈشىنىشلىك. |
evidently | ①dv. روشەن، ئېنىق، ئوچۇق. ② ئەلۋەتتە، روشەنكى. |
evil | ①adj.Ⅰ يامان، ئوسال، رەزىل، قەبىھ. ② زىيانلىق. n.Ⅱ بالا-قازا، كېلىشمەسلىك، بەختسىزلىك. dv.Ⅲ زەھەرلىك، زەھەرخەندىلىك. |
ewe | n. ساغلىق قوي. |
exact | ①adj.Ⅰ ئېنىق، توغرا. ② مۇكەممەل، پۇختا. ①v.Ⅱ قىستىماق، زورلىماق، تەھدىت سالماق. ② لازىم بولماق، لازىم قىلماق، كېرەك بولماق، كېرەك قىلماق. |
exactly | ①dv. دەل. ② پۈتۈنلەي، تامامەن. ③ توغرا، دۇرۇس. |
exaggerate | v. مۇبالىغە قىلماق، ئاشۇرۇۋەتمەك، كۆپتۈرمەك، چوڭايتىپ كۆرسەتمەك. |
exalt | ①v. (مەرتىۋە، ھوقۇق، قاتارلىقلارنى) ئۆستۈرمەك، كۆتۈرمەك، يۇقىرى كۆتۈرمەك. ② ماختىماق، مەدھىيلىمەك، كۈيلىمەك، كۆككە كۆتۈرمەك. |
exam | n. (جانلىق تىلدا) ئىمتىھان. |
examination | ①n. تەكشۈرۈش. ② ئىمتىھان، سىناق. |
examine | ①v. تەكشۈرمەك، قاراپ چىقماق.② ئىمتىھان ئالماق، ئىمتىھان بەرمەك، سىناپ كۆرمەك. ③ سوراق قىلماق. |
example | ①n. دەلىل، ئىسپات، ئەمەلىي ئىسپات: for example مەسىلەن، ئالايلۇق. ② نۇسخا، نەمۇنە، ئۆرنەك. ③ ساۋاق. |
exasperate | ① ئوغىسىنى قايناتماق، ② ئاچچىقىنى كەلتۈرمەك، تېرىكتۈرمەك. |
excavate | كولىماق، قازماق، ئاچماق. |
exceed | v. ئېشىپ چۈشمەك، ئېشىپ كەتمەك، ھالقىپ چۈشمەك، ئۆتۈپ كەتمەك. |
exceeding | adj. dv. ھەددىدىن تاشقىرى، ھەددىدىن زىيادە. |
exceedingly | dv. ئىنتايىن، زور دەرىجىدە. |
excel | v. ( excel led؛ excel led؛ excel ling) ① ئۈستۈن كەلمەك، ئېشىپ چۈشمەك. ② ئۇستا، ماھىر. |
excellence | ① n. مۇنەۋەرلىك. ② ئەۋزەللىك، ئىللىق. ③ مەشھۇرلۇق. ④ ئارتۇقچىلىق. |
excellent | ①adj. ئەلا، ئېسىل، مۇنەۋۋەر، نادىر. ② مەشھۇر. |
except | prep.Ⅰ ... دىن سىرت، ... دىن باشقا؛ ...نى ھېسابقا ئالمىغاندا:.He works everyday except sunday ئۇ يەكشەنبە كۈندىن باشقا كۈنلەردە ئىشلەيدۇ. v.Ⅱ ئېلىپ تاشلىماق، چىقىرىپ تاشلىماق، چىقىرىۋەتمەك، مۇستەسنا قىلماق. |
exception | ①n. مۇستەسنا قىلىش، چىقىرىپ تاشلاش. ② قارشى تۇرۇش: take exception to ... گە قارشى تۇرماق، ... گە قارشىلىق كۆرسەتمەك. |
excess | ①n.Ⅰ ھەددىدىن ئارتۇق، ھەددىدىن زىيادە. ② نورمىسىزلىق، چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىق. ③ (كۆپلۈك ئىشلىتىلىدۇ) زوراۋانلىق. ①adj.Ⅱ ھەددىدىن تاشقىرى، چېكىدىن ئاشقان. ② ھەددىدىن زىيادە ئېغىر. |
excessive | adj. ھەددىدىن تاشقىرى، ھەددىدىن زىيادە: an excessive demand ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق تەلەپ. |
exchange | ①v.Ⅰ ئالماشتۇرماق، تېگىشمەك، يەڭگۈشلىمەك، يۆتكىمەك. ② سودىلاشماق. ①n.Ⅱ ئالماشتۇرۇش، تېگىشىش، يەڭگۈشلەش، يۆتكەش. ② سودا بازىرى. ③ تونۇشتۇرۇش پونكىتى. |
excite | ①v. تەسىر قىلماق، تەسىر قوزغىماق. ② ھاياجانلاندۇرماق، روھلاندۇرماق. ③ قوزغىماق، ئۇرغۇماق، ئويغاتماق. |
excited | adj. روھلۇق، جۇشقۇن، ھاياجانلىق. |
excitement | ①n. تەسىر قىلىش، تەسىر قوزغاش. ② ھاياجانلىنىش، روھلىنىش. |
excitign | adj. كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان. |
exclaim | v. ۋارقىرىماق، توۋلىماق، ۋارقىراپ سۆزلىمەك. |
exclamatory | adj. ئۈندەش: an exclamatory sentence ئۈندەش جۈملە. |
exclude | ①v. رەت قىلماق، باش تارتماق. ② چەتكە قاقماق، يەكلىمەك. |
exclusive | ①adj. ياتلارنى يەكلەيدىغان، باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان. ② ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، ھاكاۋۇر. ③ خاس، بىردىنبىر. ④ ئالىي، ئېسىل، تولۇق exclusive of ‖ ... نى ھېسابقا ئالمىغاندا، ... دىن سىرت. |
excrement | گەندە-سۈيدۈك. |
excrete | چىقارماق. |
excursion | يىراققا پىيادە ساياھەت قىلماق. |
excuse 1 | ①v. ئەپۇ قىلماق، كەچۈرمەك. ② ئازاد قىلماق، خالاس قىلماق، كەچۈرۈم قىلماق، ئېلىپ تاشلىماق Excuse me ‖ كەچۈرۈڭ: Excuse me, I have to go now كەچۈرۈڭ، مەن كېتەي excuse 1 oneself/ ئاقلىماق؛ ئۆزىنى ئاقلىماق. |
excuse 2 | n. ئەپۇ، ئەپۇ سوراش، كەچۈرۈم، كەچۈرۈم سوراش، ئۆزرىخاھلىق، ئۆزرىخاھلىق ئېيتىش. ② باھانە، سەۋەب، باھانە-سەۋەب. |
execute | ①v. ئىجرا قىلماق، ئادا قىلماق، يولغا قويماق. ② ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلماق. ③ ياسىماق، ئىشلىمەك (سەنئەت-بۇيۇملىرىنى). ④ چالماق، ئورۇندىماق. |
execution | ①n. ئىجرا قىلىش، ئورۇنداش، يولغا قويۇش. ② ئۆلۈم جازاسى. ③ چېلىش ماھارىتى (سازلارنى)، ئورۇنداش ماھارىتى. |
executive | adj.Ⅰ ئىجرائىي، مەمۇرىي. ①n.Ⅱ مەمۇرىيەت. ② ئىجراچى، ئىجرا قىلغۇچى. |
exemplify | v. ئۈلگە كۆرسەتمەك، دەلىل كەلتۈرمەك، ئىسپات كۆرسەتمەك. |
exempt | ① ئازاد قىلماق، خالاس قىلماق. ② كەچۈرۈم قىلماق، ئېلىپ تاشلىماق. |
exercise | ①n.Ⅰ چېنىقىش. ② مەشىق، كۈنۈكمە. ③ گىمناستىكا. ④ (ئامېرىكا تىلىدا) مۇراسىم. ①v.Ⅱ چېنىقماق، ھەرىكەت قىلماق. ② مەشىق قىلماق. ③ ئىشلەتمەك. |
exert | v. يۈرگۈزمەك، ئىشلەتمەك، جارى قىلدۇرماق. |
exhale | نەپەس چىقارماق. |
exhaust | ①v.Ⅰ خوراتماق، خورىتىپ تۈگەتمەك، خورىماق. ② ماغدۇرسىزلانماق، ماغدۇرسىزلاندۇرماق. ③ تارتماق، تارتىپ تۈگەتمەك (سۇ قاتارلىقلارنى). ④ تەتقىق قىلماق، مۇلاھىزە قىلماق. n.Ⅱ چىقىرىۋېتىش؛ چىقىرىۋېتىش ئەسۋابى. |
exhibit | ①v.Ⅰ كۆرگەزمىگە قويماق، كۆرگەزمە قىلماق. ② كۆرسەتمەك، نامايان قىلماق. n.Ⅱ كۆرگەزمە بۇيۇملىرى. |
exhibition | ①n. كۆرگەزمە، كۆرگەزمە قىلىش. ② كۆرسىتىش، ئورۇنداش. |
exile | ①n.Ⅰ پالاش، سۈرگۈن قىلىش. ② پالانغۇچى، سۈرگۈن بولغۇچى. v.Ⅱ پالىماق، سۈرگۈن قىلماق. |
exist | ①v. مەۋجۇت بولۇپ تۇرماق. ② ھايات كەچۈرمەك، ياشىماق. |
existence | ①n. مەۋجۇدىيەت، مەۋجۇتلۇق، بارلىق ② ھايات، ھاياتلىق. bring...into existence ‖ بارلىققا كەلمەك، قۇرۇلماق. |
expand | ①v. ئاچماق، ئېچىلماق، يايماق، يېيىلماق (قانات). ② ئۆرلىمەك، كۆپمەك. ③ كېڭەيمەك (قوشۇن). |
expanse | n. پايانسىزلىق، چەكسىزلىك. |
expansion | n. كېڭەيتىش، كېڭىيىش، راۋاجلىنىش، راۋاجلاندۇرۇش. ② تەرەققىيات. |
expansionism | n. كېڭەيمىچىلىك. |
expansionist | n. كېڭەيمىچى. |
expatriate | چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. |
expect | ①v. ئۈمىد قىلماق، ئارزۇ قىلماق، ئىنتىزار بولماق، كۈتمەك. ② ئويلىماق، ... دەپ قارىماق. |
expectation | n. ئۈمىد، ئارزۇ، ئىستەك، ئىنتىزارلىق. |
expedient | ①adj.Ⅰ لايىق، مۇۋاپىق. ② پايدىلىق. ③ ئەپلىك. n.Ⅱ ۋاقىتلىق تەدبىر، ۋاقىتلىق ھەل قىلىش چارىسى. |
expedition | ①n. يىراققا يۈرۈش، ئۇزۇن سەپەر، ساياھەت. ② تەكشۈرۈش. ③ قېزىپ تەكشۈرگۈچىلەر. ④ چەبدەسلىك، چاققانلىق. |
expel | v. ( expel led؛ expel led؛ expel ling) قوغلاپ چىقارماق، ھەيدەپ چىقارماق، ھەيدىمەك، بوشاتماق. قوغلاپ چىقارماق، ھەيدىمەك. |
expend | ① ئىستېمال، ئىستېمال قىلماق. ② سەرپ قىلماق، خەجلىمەك. |
expenditure | سەرپ قىلماق، خەجلىمەك. ② ئىستېمال قىلماق. |
expense | n. خىراجەت، چىقىم. |
expensive | adj. قىممەت. |
experience | ①n.Ⅰ تەجرىبە. ② سەرگۈزەشت، كەچۈرمىش. v.Ⅱ بېشىدىن كەچۈرمەك، بېشىدىن ئۆتكۈزمەك. |
experienced | ①adj. تەجرىبىلىك، مەلىكىلىك، پىشقان. ② ئىش كۆرگەن. |
experiment | n.Ⅰ تەجرىبە، سىناق. v.Ⅱ تەقرىبە قىلماق، سىناق قىلماق. |
expert | n.Ⅰ مۇتەخەسسىس ماھىر، ئۇستا. adj.Ⅱ تەجرىبىلىك، پىشقان، ئىختىساسلىق. |
expire | ①v. ئاخىرلاشماق، توشماق، ۋاقتى توشماق. ② جان ئۈزمەك، نەپەستىن قالماق، نەپىسى توختىماق. |
explain | v. چۈشەندۈرمەك، ئىزاھات بەرمەك، شەرھىيلىمەك، ئۇقتۇرماق: explain sth.away چۈشەندۈرمەك، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتمەك، كۆز بويىماق. |
explanation | n. چۈشەندۈرۈش، ئىزاھات. |
explode | ①v. پارتلىماق، ئېتىلماق، پارتلاتماق، ئاتماق، قوزغىماق، قوزغالماق. ② سۈپۈرۈپ تاشلىماق، ئاغدۇرۇپ تاشلىماق، يوقاتماق. ③ ئېچىپ تاشلىماق. |
exploit 1 | n. ئۇلۇغ خىزمەت، ئۇلۇغ تۆھپە. |
exploit 2 | ①v. ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلماق. ② ئاچماق (تەبىئىي بايلىقلارنى). |
exploitation | ①n. ئېكسپىلاتاتسىيە، ئېكسپىلاتاتىسيە قىلىش. ② ئۆزلەشتۈرۈش. ③ پايدىلىنىش، ئىشلىتىش. |
explore | ①v. چارلىماق، تەكشۈرمەك، قېزىپ تەكشۈرمەك. ② ئىزدىمەك، ئىزدەنمەك. |
explosion | ①n. ئېتىلىش، پارتلاش، پارتلاش ئاۋازى، پارتلىتىش. ② كۆتۈرۈلۈش، قوزغىلىش، قوزغاش. |
exponent | ①n. چۈشەندۈرگۈچى، ئىزاھات بەرگۈچى. ② ۋەكىل؛ تىپ. >③ ماتېماتىكا< كۆرسەتكۈچ، دەرىجە. |
export 1 | ①n. ئېكسپورت، ئېكسپورت قىلىش. ② ئېكسپورت بۇيۇملىرى. |
export 2 | v. ئېكسپورت قىلماق. |
expose | ①v. پاش قىلماق، ئېچىپ تاشلىماق. ② كۆرگەزمە قىلماق، كۆرگەزمىگە قويماق. ③ نۇر ئۆتمەك، نۇر ئۆتكۈزمەك (سۈرەتچىلىكتە). |
exposition | ①n. چۈشەندۈرۈش، ئىزاھات. ② كۆرگەزمە. |
exposure | ①n. پاش قىلىش، پاش بولۇش، ئېچىپ تاشلاش. ② نۇر ئۆتۈش، نۇر ئۆتكۈزۈش. |
expound | بايان قىلماق، ئىزھار قىلماق. |
express | ①v.Ⅰ بىلدۈرمەك، ئۇقتۇرماق، ئىپادىلىمەك. ② تېز يەتكۈزمەك (خەت-چەك، پوسۇلكا، مال قاتارلىقلارنى) ①adj.Ⅱ ئېنىق، ئايدىڭ، چۈشىنىشلىك. ② پەۋقۇلئاددە تېز: an express train پەۋقۇلئاددە تېز پويىز. ①n.Ⅲ تېز يەتكۈزۈش. ② تېز پويىز، تېز ئاپتوموبىل. dv.Ⅳ تېز پويىز بىلەن، تېز ئاپتوموبىل بىلەن. |
expression | ①n. ئىپادە، ئىپادىلەش، بىلدۈرۈش. ② ئىپادىلەش ئۇسۇلى. ③ چىراي، تەلەت. |
expulsion | ھەيدىمەك، قوغلىماق، سۈرۈپ چىقارماق. |
exquisite | ①adj. نەپىس، نازۇك، گۈزەل. ② قاتتىق، شىددەتلىك. ③ سەزگۈر، ئۆتكۈر. |
extend | ①v. سوزماق، سوزۇلماق، ئۇزارتماق، ئۇزارتىلماق. ② يايماق، يېيىلماق، كېڭەيمەك، كېڭەيتمەك. ③ بەرمەك. |
extension | ①n. سوزۇش، سوزۇلۇش، ئۇزىراش، ئۇزارتىش. ② كېڭىيىش، كېڭەيتىش، يېيىلىش. ③ئۇزارتىلغان قىسمى،قوشۇلغان بۆلىكى؛ ئۇزارتىلغان مۇددەت. |
extensive | adj. بىپايان، كەڭ، كەڭ كۆلەملىك، كەڭ دائىرىلىك. |
extent | ①n. دەرىجە، دائىرە، ئۆلچەم (ئۇزۇن-قىسقىلىق، چوڭ-كىچىكلىك ۋە كەڭ-تارلىق قاتارلىقلارنىڭ). |
exterior | adj.Ⅰ تاشقى، سىرتقى. n.Ⅱ تاشقى كۆرۈنۈش، تۇرۇق، سىرتقى قىسمى. |
external | adj. تاشقى، سىرتقى. |
extinguish | ئۆچمەك، ئۆچۈرمەك، يوقالماق. |
extort | قورقۇتۇپ ئېلىۋالماق، تەھدىت سېلىپ تارتىۋالماق. |
extra | ①adj.Ⅰ ئوشۇقچە. ② ۋاقىتلىق، ۋاقتىنچە. ①n.Ⅱ قوشۇمچە سان (گېزىتلەرنىڭ). ② قوشۇمچە نەرسىلەر. ③ ئوشۇقچە نەرسىلەر. ①dv.Ⅲ ئوشۇقچە، ئارتۇقچە، ھەددىدىن زىيادە. ② بەك، ئىنتايىن، پەۋقۇلئاددە. |
extract 1 | ①v. يۇلماق، تارتىپ چىقارماق (چىشنى). ② سىقىپ چىقارماق (ماينى). ③ كۆچۈرۈۋالماق (ئايرىم خەت ياكى جۈملىلەرنى). ④ <ماتېماتىكا> يىلتىز چىقارماق. |
extract 2 | ①n. شىرنە، شەربەت. ② تاللانما، ئۈزۈندى. |
extraordinary | ①adj. پەۋقۇلئاددە، تاسادىپىي. ② ۋاقىتلىق. |
extreme | ①adj. ئۇچىدىكى. ② ئەڭ يىراقتىكى. ③ ئۇچىغا چىققان. ④ كەسكىن. ⑤ قۇتۇپ. |
extremely | dv. ئادەتتىن تاشقىرى، ناھايىتى. |
eye | ①n.Ⅰ كۆز. ② كۆز نۇرى. ③ كۆز قاراش. ④ كۆرۈش قۇۋۋىتى. ⑤ تۆشۈك (يىڭنىنىڭ) be all eye s ‖ دىققەت بىلەن قارىماق، تىكىلىپ قارىماق catch one’s eye / دىققىتىنى قوزغىماق have an eye s to .../ دىققەت قىلماق، زەن قويۇپ قارىماق. have an eye for .../ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بولماق. v.Ⅱ قارىماق، كۆز تىكىپ قارىماق، دىققەت بىلەن قارىماق. |
eyeglasses | n. كۆزەينەك. |
eyelash | n. كىرپىك. |
eyesight | n. كۆرۈش قۇۋۋىتى. |