ئا🔗

ئا

ئابباسⅠ

ئابباسىيلار خاندانلىقى

ئاببېۋىل مەدەنىيىتى

ئابدۇراخمانⅠ

ئابدۇل ئەزىز

ئابدۇل راخمان

ئابدۇل راخمانⅢ

ئابدۇللا خەلىپە مەھدى

ئابدۇل ھەمىدⅡ

ئابدېقادىر

ئابوۋيان

ئابۇ سىمبېل ئىبادەتخانىسى

ئابېلارد

ئابېنو ناكامارو

ئابى ماسائو

ئابى شنويۇكى

ئاپاتاتۇر

ئاپپىئان

ئاپتۇر فراشېرى

ئاپراكسىن

ئاپرېل تېزىسلىرى

ئاپرېل نامايىشى

ئاپرېل ئىش تاشلىشى

ئاپرىلوۋ

ئاپوللونىيە

ئاپوللون

ئاپوليۇس

ئاپپىيە

ئاتاخۇئالپا

ئاتەشپەرەسلىك

ئاتتىكا

ئاتتىلا

ئاتتىلې

ئاتىسا

ئاتلاس

ئاتلانت مايمۇنسىمان ئادىمى

ئاتلانتىك ئوكيان خارتىيىسى

ئاتلانتىك ئوكيان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا خىتابنامە

ئاتېلىستان

ئاجاتاشاترۇ

ئاجانتا تاش ئۆڭكۈرى

ئاجىتا كېساكامبالا

ئاچلار قوزغىلىڭى

ئاچې دۆلىتى

ئاچېسون

ئاچې ئۇرۇشى

ئاچىتانىيە

ئاخماندۇ

ئاخمېسⅠ

ئاخناتون

ئاخو

ئاخۇندوۋ

ئاخېن سۈلھ شەرتنامىسى

ئاخېن يىغىنى

ئاخىرەتلىك بۇيۇملار

ئاخىرەتنامە

ئادامس

ئادام سىمىت

ئادرىيانوپول ئۇرۇشى

ئادلېر

ئادونىس

ئادوۋا جېڭى

ئادېنائوئېر

ئادىل ئەمگەك ئۆلچىمى قانۇنى

ئارات

ئاراتوس

ئاراكان

ئاراگون خاندانلىقى

ئاراگون كىنەزلىكى

ئارامېلار

ئاراۋكانلار

ئاراۋى خاندانلىقى

ئاراي شىرائىشى

ئاربېنىس

ئارپاد خاندانلىقى

ئارتۇر

ئارتۇر گوردون

ئارتېمىدا ئىبادەتخانىسى

ئارتېمىس

ئارتىگاس

ئارچىلوكوس

ئارخات

ئارخاساستىرا

ئارخون

ئاخېمېنىدلار خاندانلىقى

ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت

ئارخېئېپىسكوپ

ئارخىمېد

ئارراس ئىتتىپاقى

ئاررېنىئۇس

ئاررىئان

ئارساك

ئارسېنىجⅢ

ئارشىما تاكېئو

ئاركادىيە

ئاركىرت

ئارگوس

ئارگېداس

ئارگىشتىⅠ

ئارلېس پادىشاھلىقى

ئارمىيە ۋازارىتى ۋەزىرلىكىنى ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئوفىتسېرلار ئۆتەش تۈزۈمى

ئارنالدو (برېسسىيىلىك)

ئارنولد

ئارۇ دۆلىتى

ئارېس

ئارىئاس

ئارىتا خاچىرو

ئارىتا-كرايگى كېلىشىمى

ئارىستارك

ئارىستوتېل

ئارىستوفان

ئارىستونىك قوزغىلىڭى

ئارىستىپپوس

ئارىستىد

ئارىسېنجⅣ

ئارىلاشماسلىق سىياسىتى

ئارىئوستو

ئارىئول

ئارىئۇسچىلار

ئارىيابخاتا

ئارىيانلار جەمئىيىتى

ئارياستانگىكا مارگا

ئازادلىق قارىشىدىكىلەر

ئازابلىنىش بايرىمى

ئازتېك ئىمپېرىيىسى

ئاز سانلىقلار ھەرىكىتى

ئازورىن

ئازۇچى-موموياما دەۋرى

ئازىل مەدەنىيىتى

ئازىنكۇر جېڭى

ئاس

ئاساجۇدا جىرو

ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى

ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى

ئاساسىي قانۇنلۇق خەلق پارتىيىسى

ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي دوستلار ئۇيۇشمىسى

ئاساسىي قانۇنلۇق يېڭىلىق پارتىيىسى

ئاساسىي قانۇننى قوغداش ھەرىكىتى

ئاساسىي ماددا

ئاسانتېۋا قوزغىلىڭى

ئاسانتى بىرلەشمىسى

ئاسانتى ئۇرۇشى

ئاسانگا

ئاسانىيە

ئاسپارۇخ

ئاستانىدىكى يۇرتداشلار باشقارمىسى

ئاستراخان خانلىقى

ئاستۇرىياس پادىشاھلىقى

ئاستۇرىياس قوزغىلىڭى

ئاستراخان قوزغىلىڭى

ئاسساسىنلار

ئاسكۇلۇم

ئاسكۋىت

ئاسكىيا مۇھەممەدⅠ

ئاسوكا

ئاسسۇربانىپال

ئاسسۇرناسىرپالⅡ

ئاسسۇرىيە

ئاسسۇرىيەشۇناسلىق

ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى

ئاسۇئېلا

ئاسۋاگوسا

ئاسېۋېدو دىئاس

ئاسىيا-ئافرىقا يىغىنى

ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى

ئاسىيلىق ۋەقەسى

ئاشلېيى

ئاشلىق قانۇنى

ئاشلىق قانۇنىغا قارشى ئىتتىپاق

ئاشمۇن

ئاشېل مەدەنىيىتى

ئاشىدا خىتوشى

ئاشىكاگا تاكائودزېي

ئاشىكاگا شوگونلۇقى

ئاشىكاگا يوسمىتسۇ

ئارغامچا سىزىقچا مەدەنىيىتى

ئاغمىچىلىق (ئوپپورتۇنىزم)

ئافاناسېۋ

ئافاناسېيۋو مەدەنىيىتى

ئافاناسىي نىكتىن

ئافرودىت

ئافرودىتا

ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى

ئافرىقا دۆلەت باشلىقلىرى كېڭەشمىسى

ئافرىقا، كارايىپ ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر گۇرۇھى

ئافرىقا مۇستەقىل دۆلەتلەر كېڭىشى

ئافرىكانوس

ئافغان كارىدورى

ئافغانىستان ئۇرۇشى

ئافېنا

ئافېنا

ئافېنا زاسېداتېللار يىغىنى

ئافېنانىڭ سىياسىي تۈزۈمى

ئافېنا ئون گېنېرال يىغىنى

ئافېنا ئۇزۇن تېمى

ئافېنىئون

ئاقارتىش دەۋرى تارىخشۇناسلىقى

ئاقارتىش ھەرىكىتى

ئاق تەنلىكلەر ئاۋسترالىيىسى سىياسىتى

ئاقچىخانا

ئاقساقاللار كومىتېتى

ئاقساقاللار كېڭىشى

ئاقسۇم

ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى

ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشى

ئاقسۆڭەكلەر ئىتتىپاقى

ئاق فوسفور سەرەڭگىچىلەر

ئاق قويۇنلۇ

ئاق قويۇنلۇق (ئاي قوي) خاندانلىقى

ئاق يەكتەكلىكلەر قوزغىلىڭى

ئاق گۋاردىيە

ئاق لايىھە

ئاق ئوردا خانلىقى

ئاقىللار جەمئىيىتى

ئاق يەكتەكلىك ئەرەبلەر

ئاق يولۋاس ئەترىتى

ئاكادېمىيە

ئاكارسوئا قوزغىلىڭى

ئاكالى ھەرىكىتى

ئاكائىيە

ئاكائىيە ئىتتىپاقى

ئاكايىلار

ئاكتون

ئاكتىئۇم ئۇرۇشى

ئاككاد پادىشاھلىقى

ئاككادلار

ئاكۇتاگاۋارىيۇنوسكى

ئاكسېلرود

ئاكىللېس

ئاگاتسۇما ئۆرنەكلىرى

ئاگاخان

ئاگ-ا مۇھەممەدخان

ئاگامېمنون

ئاگرام ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش دېلوسى

ئاگرىپپا

ئاگرىپپىنا

ئاگنون

ئاگنى

ئاگونىستلار ھەرىكىتى

ئاگېسىلا

ئاگىسⅣ

ئاگىنالدۇ

ئاڭدۇڭ

ئاڭكان

ئاڭكور ئىبادەتخانىسى

ئالارىكⅠ

ئالارىكⅡ

ئالاقىلىشىش كومىتېتى

ئالاقىنى ئۈزۈش جازاسى

ئالامېين جېڭى

ئالاند تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسى

ئالانىلار

ئالاھىدە جېسەكچىلەر قوشۇنى

ئالاھىدە قوشۇن

ئالاۋۇددىن

ئالبا

ئالبانىيە ئازادلىق كومىتېتى

ئالبانىيە مەتبۇئات جەمئىيىتى

ئالبانىيە مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى

ئالبانىيە ئىتتىپاقى

ئالبانىيىنىڭ 1911 -يىلدىكى قوزغىلىڭى

ئالبانىيىنىڭ 1912-يىلدىكى قوزغىلىڭى

ئالبانىيىنىڭ 1443-يىلدىكى ئومۇمىي قوزغىلىڭى

ئالبانىيىنىڭ 1847-يىلدىكى قوزغىلىڭى

ئالبا-يۇلىيە مىللىي پارلامېنتى

ئالبوچېرچې

ئالبۇئىن

ئالبېرت

ئالبېرتⅠ

ئالبېرت نىزامى

ئالبىچىلار ئۇرۇشى

ئالبرېخت

ئالبىززى جەمەتى

ئالتامىرا ئۆڭكۈر رەسىملىرى

ئالتە مەھكىمە

ئالتە ئۇستاز

ئالتۇن پۇل مەھكىمىسى

ئالتۇن تاج قەبرىستانلىقى

ئالتۇن تامغىلىق يارلىق

ئالتۇن راۋاق

ئالتۇن قىرغاق (

ئالتۇن قىرغاق بىرلىككە كەلگەن كونگېرىس پارتىيىسى

ئالتۇن كۇرسا

ئالتۇن ئوردا خانلىقى

ئالتۇن يارلىق

ئالجىرىيە-فرانسىيە كېلىشىمى

ئالجىرىيە مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى

ئالدرىدگې

ئالفونسوⅠ

ئالفونسوⅠ

ئالفونسوⅢ

ئالفونسوⅤ

ئالفونس-وⅥ

ئالفونسوⅩ

ئالفونسوⅩⅡ

ئالفونسوⅩⅢ

ئالكانتارا رىتسارلار پولكى

ئالكب-ىيادېس

ئالكىن

ئاللان پۇئې

ئاللېمان

ئاللېندې

ئالماشتۇرۇش

ئالموخادخاندانلىقى

ئالموخادېس

ئالمۇراۋىد خاندانلىقى

ئالمېدا

ئالمېدا گاررېت

ئالۇڭسىدۇ

ئالېرامو

ئالېكساندرⅠ

ئالېكس-اندرⅡ

ئالېكساندرⅢ

ئالېكساندرⅥ

ئالېكساندر جاگېللونسزىك

ئالېكساندر نېۋىسكى

ئالېكساندرىيە

ئالېكساندرىيە كۇتۇپخانىسى

ئالېكسېيېۋ

ئالېگرىئا

ئالېماننىلار

ئالېنكار

ئالبىچىلار

ئال خامراخ ئوردىسى

ئالساس-لوررىن

ئالېكساندرىيە

ئالېكساندر

ئامارنا خەت-ئالاقىلىرى

ئامارى

ئامازونلار

ئامازون ھەمكارلىق شەرتنامىسى تەشكىلاتى

ئاماكاسۇ ۋەقەسى

ئامانلىقنى ساقلاش كومىتېتى

ئامانۇللاخان

ئامانياكچىلار

ئامبار قورۇسى

ئامرا مەدەنىيىتى

ئامرىتسار پاجىئەسى

ئامفىپول

ئامميانۇس· مارسېلىنۇس

ئامورىلار

ئامورىم

ئامون

ئامۇسۇۋارما

ئامېدېئوⅡ

ئامېدېئوⅢ

ئامېرىكا-ئاۋسترالىيە-يېڭى زېلاندىيە بىخەتەرلىك شەرتنامىسى

ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى

ئامېرىكا-ئەنگلىيە ئۇرۇشى

ئامېرىكا-پاناما قانال شەرتنامىسى

ئامېرىكا دېھقان-ئىشچىلار پارتىيىسى

ئامېرىكا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى

ئامېرىكا-سىيام شەرتنامىس-ى

ئامېرىكا-فرانسىيە شەرتنامىسى

ئامېرىكا-فىلىپپىن ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسى

ئامېرىكا-فىلىپپىن ئۇرۇشى

ئامېرىكا قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى

ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى تەشكىلاتى

ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ياردەملىشىش شەرتنامىسى

ئامېرىكا-كورىيە ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسى

ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى

ئامېرىكا-مېكسىكا چېگرا جېڭى

ئامېرىكا-مېكسىكا ئۇرۇشى

ئامېرىكائىچكىئۇرۇشى

ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى

ئامېرىكا يىراققا يۈرۈش قوشۇنى

ئامېرىكىدىكى قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ھەرىكىتى

ئامېرىكىنىڭ جۇڭگولۇق ئىشچىلارنى چەتكە قېقىش پەرمانى

ئامېرىگو

ئامېنخوتېپⅣ

ئامېنېمخېتⅢ

ئامىستېردام شەرتنامىسى

ئامېن ئاس-اسىي خارتىيىسى

ئامېن شەرتنامىسى

ئانارخو سىندىكالىزم

ئانارخىزم

ئاناستاسⅠ

ئاناستاسⅡ

ئاناكپېتلۇن

ئاناكرېئون

ئاناكساگورا

ئاناكىسماندر

ئاناكىسىمېن

ئاناندا

ئانائۇ مەدەنىيىتى

ئاناۋراختا

ئانبوۋاس سۇيىقەستى

ئانتالكىداس سۈلھ شەرتنامىسى

ئانتانتا دۆلەتلەر

ئانتانتا دۆلەتلەرنىڭ ئۈچ قېتىملىق قوراللىق مۇداخىلىسى

ئانتونوۋىچ

ئانتونېسكو

ئانتونېلى

ئانتونى

ئانتونى خاندانلىقى

ئانتىپاتېر

ئانتسېنېس

ئانتىگونI

ئانتىگون خاندانلىقى

ئانتىگونې

ئانتىفېدېراتىپ پارتىيە

ئانتىفون

ئانتىيوك

ئانجۇ

ئانجۇ خاندانلىقى

ئاند جېلكوۋىچ

ئاندخارا

ئاندروپوۋ

ئاندرونىك

ئاندرونىك Ⅰ (كومنېن)

ئاندرونىك Ⅱ (پالېئولوگ)

ئاندرىچ

ئاندرېيىپ

ئاندرىيⅡ

ئاندوسىيۇئىكى

ئاندوگ پادىشاھلىقى

ئاندېرسون

ئاندېرسون

ئاندېرسېن نېكىسې

ئاندېس شەرتنامىسى تەشكىلاتى

ئانزىنگا

ئانگا

ئانگلو-ساكسون قانۇنلار دەستۇرى

ئانگلو ساكسونلار

ئانگلوساكسون يىلنامىسى

ئانگلېزلار

ئانگورا جېڭى

ئانگولا مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى (

ئانگىلىكان چېركاۋى

ئاننا كومنېنا

ئانناھانىڭ قىسقىچە تەزكىرىسى

ئانۇرادخاپۇرا

ئانۇرادخاپۇرا پادىشاھلىقى

ئانسېلمۇس

ئانيالان ئىتتىپاقى

ئاۋراڭزېب

ئاۋرىگنا مەدەنىيىتى

ئاۋستېرلتز جېڭى

ئاۋستېن

ئاۋگسبۇرگ ئۇرۇشى

ئاۋگسبۇرگ ئېتىقاد پروگراممىسى

ئاۋگۇستىنۇس

ئائۇڭزېيا

ئائۇڭزېيا خاندانلىقى

ئائۇڭ سان

ئاۋلارد

ئاۋا خاندانلىقى

ئاۋارلار

ئاۋرورا

ئاۋرورا كېرەيسىرى

ئاۋغۇست پەرمانى

ئاۋگسبۇرگ دىنىي سۈلھ شەرتنامىسى

ئاۋگۇستۇس

ئاۋلو دۆلىتى

ئاۋېررويى

ئاۋېرېسكۇ

ئاۋېلۇم

ئاۋېنانما تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسى

ئاۋېنتىن ئىتتىپاقى

ئاۋېستا

ئاۋسترالىيە-يېڭى زېلاندىيە جۈنتۇەنى

ئاۋسترالىيە-يېڭى زېلاندىيە كېلىشىمى

ئاۋسترو-ۋېنگر ئىمپېرىيىسى

ئاۋسترىيە بىرىنچى جۇمھۇرى يىتى

ئاۋسترىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى

ئاۋسترىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى

ئاۋسترىيە دۆلەت شەرتنامىسى

ئاۋسترىيە رومىنىيە شەرتنامىسى

ئاۋسترىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى

ئاۋسترىيە-سېربىيە شەرتنامىسى

ئاۋسترىيە مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ مەركىزىي سىياسىي كومىتېتى

ئاۋسترىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتى

ئاۋسترىيىنىڭ 1848-يىلدىكى ئىنقىلابى

ئاۋىس خاندانلىقى

ئاۋىس رىتسارلار پولكى

ئاۋىسېننا

ئاياكوچۇ خىتابنامىسى

ئاياكۇچۇ جېڭى

ئايبەك

ئايدىت

ئايرلاڭگا

ئايرىمچىلار ئىتتىپاقى

ئايشىبۇل

ئاينۇلارغا يۈرۈش قىلغۇچى باش سىياگۇن

ئاينېئاس

ئايوتىيە خاندانلىقى

ئايۇبخان

ئائىشە

ئائېگىنا

ئائېنېيد

ئالېكساندر سېرگېۋىچ پۇشكىن

ئىزاھى

ئابباسⅠ

  • ئابباسⅠ[يەشمىسى:]AbbasⅠ، 1571 — 1629) ئىران سافى خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (9261 — 7851). ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ئىران ئىچكى-تاشقى جەھەتتە قىيىن ئەھۋالدا قالغان. 1590-يىلى شەرقىي گرۇزىيە، شەرقىي ئەرمېنىيە، ئەزەربەيجان (تەبرىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە رولىستاننىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن مەملىكەت ئىچىدە بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان: بىر قىسىم ئاقسۆڭەك ۋە سودىگەرلەرگە تايىنىپ، قىزىلباشلار(Kizilbash، قىزىل باش ياغلىق دېگەن مەنىدە) قەبىلە ئاقسۆڭەكلىرى ۋە چوڭ فېئوداللارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان، مەركەزدىن ئەمەلدار ئەۋەتىپ يەرلىكنى باشقۇرغان؛ مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرۇپ، مىلتىق ۋە زەمبىرەكلەرنى تەييارلىغان؛ يول-كۆۋرۈكلەرنى ياسىتىپ، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرغان؛ 1598-يىلى پايتەختنى قەزۋىندىن ئىسفاھانغا كۆچۈرگەن ھەمدە ئوردا، خانىقالارنى ياساتقان. 1597-يىلى ھېرات جېڭىدە ئۆزبېكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، خوراساننى قايتۇرۇۋالغان. 2161 — 3061-يىللىرى ئوسمان ئىمپېرىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، گرۇزىيە، ئەرمېنىيە، ئەزەربەيجان، كۇردىستان، دىياربەكر، موسۇل ۋە باغداد قاتارلىق جايلارنى قايتۇرۇۋالغان. 1622-يىلى موغۇل ئىمپېرىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، قەنداھارنى ئىشغال قىلغان. شۇ يىلى ئەنگلىيە فلوتىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا پورتۇگاللارنى ھورمۇزدىن قوغلاپ چىقارغان. بۇ مەزگىلدە سافى خاندانلىقى تازا گۈللەنگەن. 

ئابباسىيلار خاندانلىقى

  • ئابباسىيلار خاندانلىقى[يەشمىسى:]Abbasids) ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ خاندانلىقى. جۇڭگونىڭ تارىخلىرىدا قارا يەكتەكلىك تارجىيىكلار دەپ ئاتالغان. غەربنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرىدا شەرقىي ساراسېن ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتالغان. مىلادى 750-يىلى ئەبۇل ئابباس (Abbas-al-Abu، 724 — 754)ئۇمەييە خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن ئابباسىيلار خاندانلىقىنى قۇرغان. ئەبۇل ئابباس مەككىدىكى قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ھاشىم جەمەتىدىكى ئابباسنىڭ ئەۋلادى بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئىمپېرىيە تازا گۈللەنگەن مەزگىلدە زېمىنى ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپادىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە كېڭەيگەن.ⅤⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن Ⅸ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، يەنى خەلىپە مەنسۇر، ھارۇن، مەمۇن قاتارلىقلار تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، بىر قەدەر مۇكەممەل مەمۇرىي، مالىيە، قاتناش سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان؛ سۇ ئىنشائاتلىرىنى قۇرۇپ، دېھقانچىلىققا رىغبەتلەندۈرگەن، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودا زور دەرىجىدە راۋاجلىنىپ، خاندانلىق تازا گۈللەنگەن دەۋرگە يەتكەن. پايتەخت باغداد شەھىرى ئاۋاتلىشىپ، ئاھالىسى كۆپىيىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سودا-سانائەت ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان. لېكىن ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇقى خەلق قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھەرقايسى جايلاردىكى باش ۋالىيلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جايلارنى بۆلۈشۈۋېلىپ، يەرلىك خاراكتېردىكى فېئودال خانلىقلارنى قۇرۇپ، ئىمپېرىيىنى پارچىلىنىشقا يۈزلەندۈرگەن؛ Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، تۈرك مۇھاپىزەتچى ئارمىيىسىنىڭ كۈچى تەدرىجىي زورىيىپ، خەلىپىنى كونترول قىلىشقا باشلىغان. 945-يىلى شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىغان بۇئى خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى باغدادقا بېسىپ كىرىپ خەلىپىنى سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇنىڭ دىنىي رەھبەرلىك ئورنىنىلا ساقلاپ قالغان. 1055-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سالجۇق تۈركلىرى باغدادنى ئىشغال قىلغان. 1258-يىلى موڭغۇللار بېسىپ كىرىپ، خەلىپىنى بىكار قىلغان ھەمدە ئۆلتۈرگەن، ئابباس خاندانلىقى مۇنقەرز بولغان. 

ئاببېۋىل مەدەنىيىتى

  • ئاببېۋىل مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] ياۋروپا كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى مەدەنىيەت. دەسلەپتە فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سومما دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى ئاببېۋىل (Abbeville) شەھىرىدىن تېپىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ياۋروپانىڭ غەربىي قىسمى، ئافرىقا، غەربىي ئاسىيا ئەتراپلىرىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، تەخمىنەن 400 مىڭ يىللاردىن تارتىپ 100 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغىچە بولغان دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. بۇرۇن ئۇ شېل مەدەنىيىتى دەپ ئاتالغان. كېيىن شېل خارابىلىرىدە قېپقالغان نەرسىلەرنىڭ ئاساسەن ئاشېل مەدەنىيىتىگە تەۋە ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. شۇڭا ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. تىپىك نەرسىسى ئۇرۇپ ياسالغان قوپال تاش پالتا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 10 — 20 سانتىمېتر كېلىدۇ. بىللە ياشىغان ھايۋاناتلار توپىدىن قەدىمكى پىل، چىپار كەركىدان، بېگېموت ۋە ماخايرول قاتارلىقلار بار. 

ئابدۇراخمانⅠ

  • ئابدۇراخمانⅠ[يەشمىسى:]Rahman-al-Abd، 731 — 788) ئىسپانىيىدىكى كېيىنكى ئۇمەييە خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى (756 — 788). مىلادى 750-يىلى ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئۇمەييە خاندانلىقىنىڭ ئورنىنى ئابباسىيلار خاندانلىقى ئىگىلىگەن. ئۇمەييە جەمەتىدىن بولغان ئابدۇراخمان شىمالىي ئافرىقىغا قېچىپ بارغان، كېيىن يەنە ئىسپانىيىگە بارغان. مىلادى 756-يىلى ئۇ يەرلىك بىر قىسىم ئەرەبلەرنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، گۇئادالچىۋىر (Guadalquivir) دەرياسى ئەتراپىدا ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى يۈسۈپ (Yusuf، ؟ — 759)نى مەغلۇپ قىلىپ، ئۆزىنى مۇستەقىل كوردوۋا باش ۋالىيسى قىلىپ تىكلەپ، كېيىنكى ئۇمەييە خاندانلىقىنى قۇرغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە مەركىزىي ھاكىمىيەتنى كۈچەيتكەن ھەمدە فرانكلار بىلەن كۆپ قېتىم جەڭ قىلغان. ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈمۈش پۇل قۇيدۇرغان ھەمدە فرانك پادىشاھلىقىنىڭ پۇل تۈزۈمىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن. 

ئابدۇل ئەزىز

  • ئابدۇل ئەزىز[يەشمىسى:]Aziz-al-Abd، 1830 — 1876) ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى (1861 — 1876). مەھمۇدⅡنىڭ ئوغلى، ئابدۇل مىجىد (Mejid-al-Abd، 1823 — 1861) نىڭ ئىنىسى. تەختكە چىققاندىن كېيىن بەزى ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولغان. لېكىن ئۇ يولسىزلىق، ئىستىبداتلىق، زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ، ھەربىي خىراجەتنى كۆپەيتىپ، چەت ئەلدىن قالايمىقان قەرز ئېلىپ، دۆلەت مالىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن. بۈيۈك ئوسمانچىلىق ۋە ياۋروپانى چەتكە قېقىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، بالقاندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1876-يىلى 5-ئايدا يېڭى ئوسمانچىلار قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتە تەختتىن چۈشۈرۈلگەن. شۇ يىلى تاسادىپىي ئۆلۈپ كەتكەن.

ئابدۇل راخمان

  • ئابدۇل راخمان[يەشمىسى:]Rahman-al Abd، تەخمىنەن 1844 — 1901) ئافغانىستان بارراقزائى خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (1880 — 1901). ياشلىق دەۋرىدە تاشقورغاننىڭ باش ۋالىيسى بولغان. كېيىن تەخت تالىشىپ، بۇخاراغا قېچىپ كەتكەن. 1865-يىلى ئەسكەر باشلاپ ئافغانىستانغا قايتىپ كەلگەن. 1869-يىلى پادىشاھ شىرئەلى (Sher Ali،1825 — 1879) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، سەمەرقەندگە قېچىپ كەتكەن. ئىككىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە -ئافغانىستان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، روسىيىنىڭ قوللىشى ئاستىدا قوشۇن باشلاپ ئافغانىستانغا قايتىپ كەلگەن. 1881-يىلى كۈزدە پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەرگە تەقلىد قىلىپ ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. مەسىلەن، قەبىلە خوجىلىق يەر تۈزۈمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مەمۇرىي ئۈلگە تۈزۈمىنى يولغا قويغان؛ مەملىكەت بويىچە پۇل ۋە ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرگەن؛ ئارمىيىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئوفىتسېرلار مەكتىپى تەسىس قىلغان. تاشقى جەھەتتە ئەنگلىيىگە مايىل سىياسەتنى يولغا قويۇپ، 1883-يىلى ئەنگلىيە بىلەن ئافغانىستان-ھىندىستان چېگرا پاسىلىنى ئايرىش توغرىسىدىكى «كابۇل كېلىشىمى»نى ئىمزالىغان.

ئابدۇل راخمانⅢ

  • ئابدۇل راخمانⅢ[يەشمىسى:]RahmanⅢ-al-Abd، 891 — 961) ئىسپانىيىدىكى كېيىنكى ئۇمەييە خاندانلىقىنىڭ خەلىپىسى (929 — 961). ئەسلىدە ئىسپانىيە كېيىنكى ئۇمەييە خاندانلىقىنىڭ باش ۋالىيسى (912 — 929) بولۇپ، نامدا ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئابباسىيلار خاندانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىلادى 929-يىلى ئۆزىنى خەلىپە دەپ جاكارلاپ، كوردوۋا خەلىپىلىكى (929 — 1031)نى قۇرغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ياللانما ئەسكەر تۈزۈمىنى قوللىنىپ يەرلىك توپىلاڭنى باستۇرۇپ، تەپرىقىچى كۈچلەرنى ئاجىزلىتىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن؛ لېئون ۋە ناۋاررا بەگلىكىنىڭ بەگلىرىنى ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلاپ، پۈتۈن ئىسپانىيە زېمىنىنى دېگۈدەك كونترول قىلغان؛ دېڭىز ئارمىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى سودا ۋە ھەربىي زومىگەرلىك ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن؛ ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن بېرىش-كېلىش قىلغان. ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەتنى مۇكاپاتلاپ، ئوردا، مەكتەپ ۋە مەسچىتلەرنى ياساتقان، پايتەخت كوردوۋا شۇ چاغدىكى ياۋروپانىڭ ئىلىم-پەن مەركىزىگە ئايلانغان. 

ئابدۇللا خەلىپە مەھدى

  • ئابدۇللا خەلىپە مەھدى[يەشمىسى:]Abdullah Khalifat al Mahdi، 1846 — 1899) سۇداندىكى مەھدى قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. مەھدى دۆلىتىنىڭ خەلىپىسى (1885 — 1898). ئەسلى ئىسمى ئابدۇللا ئىبىن مۇھەممەد (Abdullah ibn Muhammad). سۇداننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دارفور رايونى ئىمامىنىڭ ئوغلى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا مۇھەممەد مەھدى رەھبەرلىكىدىكى ئىسلام دىنى ئىسلاھاتى ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1881-يىلى مەھدى قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، باش قوماندان ۋە تۇنجى خەلىپە بولۇپ، قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، خەزىنىنى باشقۇرۇپ، مەمۇرىي ئىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان. خەلىپە بولۇپ تۇرغاندا ئىچكى ئىشلارنى ئىسلاھ قىلىپ، يەرلىك تەپرىقىچى كۈچلەرنى ئاجىزلاشتۇرغان؛ قوشۇننى رەتكە سېلىپ، پۈتۈنلەي سۇدانلىقلاردىن تەركىب تاپقان ھوقۇق مەركەزگە مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن تۇنجى دۆلەتنى قۇرغان. ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيىنىڭ ئۇرۇش تەھدىتىگە تىز پۈكمەي، مىللىي مۇستەقىللىكنى قوغدىغان. 1896-يىلى ئەنگلىيە گېنېرالى كىتچېنېر باشچىلىقىدىكى ئەنگلىيە-مىسىر قوشۇنى سۇدانغا تاجاۋۇز قىلغاندا، ئۇ قوشۇننى باشلاپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1898-يىلى ئومدۇرمان جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ جەنۇبقا كەتكەن. ئىككىنچى يىلى جەڭدە ئۆلگەن.

ئابدۇل ھەمىدⅡ

  • ئابدۇل ھەمىدⅡ[يەشمىسى:]HamidⅡ-al-Abd، 1842 — 1918) ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى (1876 — 1909). 1876-يىلى 5-ئايدا يېڭى ئوسمانچىلار سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغاندىن كېيىن تەختكە چىققان. شۇ يىلى خەلق ئاممىسىنىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولغان.روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي ھەرىكەتنى بېسىپ، مۇستەبىت تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئىچكى جەھەتتە بارلىق دېموكراتىك ھوقۇقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىپ، پان ئىسلامىزمنى يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلغان. تاشقى جەھەتتە گېرمانىيىگە مايىل سىياسەتنى يولغا قويغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر تۈركىيە تارىخىدىكى ئەڭ زۇلمەتلىك دەۋر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1908 — 1909-يىللاردىكى تۈركىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدا تەختتىن چۈشۈرۈلگەن.

ئابدېقادىر

  • ئابدېقادىر[يەشمىسى:]el kader-Abd، 1808 — 1883) ئالجىرىيىنىڭ فرانسىيىگە قارشى كۈرىشىنىڭ رەھبىرى. ماسكارا(Mascara)دا تۇغۇلغان. ئىسلام دىنى تەربىيىسىنى ئالغان. 1832-يىلى ۋاخران رايونىدىكى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ فرانسىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا زەربە بېرىپ، سەردارلىققا سايلانغان. 1832 — 1834-يىللىرى ئالجىرىيىنىڭ غەربىي رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1834-يىلى فرانسىيە بىلەن «ۋاخران شەرتنامىسى»نى ئىمزالىغان. 1835-يىلى فرانسىيە قايتىدىن ئۇرۇش قوزغ-اپ مەغلۇپ بولغان. 1837-يىلى فرانسىيىنى «تافنا شەرتنامىسى»نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەۋەلىكىدىكى رايوننى ئايرىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرغان. تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە مەمۇرىي سىستېمىلارنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرغان، قول سانائەت ئىشخانىلىرى ۋە قورال-ياراق زاۋۇتى قۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارغا پايدىلىق ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. 1839-يىلى ئۇرۇش يەنە پارتلىغاندا قوشۇنىنى باشلاپ فرانسىيە ئارمىيىسىگە زەربە بەرگەن. 1843-يىلى يېڭىلىپ قېلىپ ماراكەشكە چېكىنگەن، ماراكەش سۇلتانىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا غازات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئىككىنچى يىلى فرانسىيە بىلەن ماراكەش سۈلھ تۈزگەندە، ۋەتىنىگە قايتىپ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. 1847-يىلى ئالجىرىيە بىلەن ماراكەش چېگرىسىدا ئەسىرگە چۈشكەن. 1852- يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 1852 — 1855-يىللىرى بۇرسې (Burse)دا تۇرغان، كېيىن دەمەشقتە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

ئابوۋيان

  • ئابوۋيان[يەشمىسى:]Хачатур Абовян، 1805 — 1848) ئەرمېنىيە يازغۇچىسى، مائارىپچى. ئېرېۋان ئەتراپىدىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1836-يىلى ئېستونىيىدىكى دېپوت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. تبلىس قاتارلىق جايلاردا ئۇزۇن ۋاقىت مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆز مىللىتىنىڭ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى، كەمبەغەللەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھەقسىز ئوقۇشقا كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. «ئەرمېنىيىنىڭ جاراھىتى» دېگەن رومانىدا 1826 — 1828-يىللىرىدىكى روسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئەرمېنىيە خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئىلغار ئىدىيىلەرنى تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، ئاخىر ئەس-ھوشى جايىدا بولماي ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن. ئىلىم-پەن ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن «ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ تېپىلىشى»، «ھېكايىلەر توپلىمى» ۋە مەسەللەر توپلىمى «بوش ۋاقىتتا ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش» قاتارلىقلار بار.

ئابۇ سىمبېل ئىبادەتخانىسى

  • ئابۇ سىمبېل ئىبادەتخانىسى[يەشمىسى:]Abu Simbel) قەدىمكى مىسىردىكى 19-سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى رامىسېس Ⅱ سالدۇرغان چوڭ-كىچىك ئىككى ئىبادەتخانا. ئورنى مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئاسۋاننىڭ جەنۇبىغا 230 كىلومېتر كېلىدىغان تۆۋەنكى نوبىيىدىكى نىل دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا. چوڭ ئىبادەتخانىنىڭ ئۇدۇل تەرىپىگە رامىسېسنىڭ ئولتۇرغان غايەت زور تۆت ھەيكىلى (ئېگىزلىكى 22 مېتر كېلىدۇ) ئويۇلغان، تاش ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە تۈۋرۈكلۈك ئۆي، خانا، ئىلاھ ئۆيى بار. ئىلاھ ئۆيىدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈچ چوڭ دۆلەت ئىلاھى (ئامون، را، بۇتاھا) ۋە ئىلاھلاشتۇرۇلغان رامىسېسنىڭ ئولتۇرغان ھەيكىلى بار. ئىبادەتخانا ئۇستىلىق بىلەن لايىھىلەنگەن، ھەر يىلى ئىككى قېتىم يەنى ئەتىيازلىق كۈنتۈن توختاش ۋە كۈزلۈك كۈن-تۈن توختاش مەزگىلىدە ئەتىگەنلىك قۇياش نۇرى ئۇدۇل ئىچكىرىكى ئۆيگىچە چۈشۈپ تۇرىدۇ. شەرق شىمالىي قىسمىدىكى كىچىك ئىبادەتخانا ئايال ئىلاھ كىھاتوھىل ۋە پادىشاھنىڭ بانۇسى نېفېرتارى(Nefertari) ئۈچۈن سېلىنغان بولۇپ، ئالدى تەرىپىگە پادىشاھنىڭ ئۆرە تۇرغان تۆت ھەيكىلى ۋە بانۇنىڭ ئىككى ھەيكىلى (ئېگىزلىكى 10 مېتر كېلىدۇ) ئويۇلغان، قالغان جايلىرى چوڭ ئىبادەتخانىغا تەقلىد قىلىپ لايىھىلەنگەن. چوڭ ئىبادەتخانىنىڭ تاش تېمىدا پادىشاھنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىشى تەسۋىرلەنگەن قاپارتما نەقىش بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە «كادېش جېڭى» ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قاپارتما نەقىش ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ئاسۋاندا توغان ياسىغان چاغدا ئىبادەتخانىنى سۇ بېسىپ كەتكىلى تاس قالغان، ب د ت نىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، 1968-يىلدىن باشلاپ ئىبادەتخانىنى ئەسلىدىكى پېتى بويىچە ئاجرىتىپ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى ئېگىزلىككە يۆتكىگەن.

ئابېلارد

  • ئابېلارد[يەشمىسى:]Abailard ياكى Pierre Abelard، 1079 — 1142)فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى پەيلاسوپى. نانت (Nantes) تىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كۆپلىگەن غەيرىي دىنىي جەمئىيەت مەكتەپلىرىنى ئېچىپ، ئۆزى پەلسەپە ۋە ئىلاھىيەتتىن دەرس ئۆتكەن. ئۇ مەدرىس پەلسەپىسىدىكى نامچى بولۇپ، ئانسېلم قاتارلىق كىشىلەرنىڭ چىنلىق نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغان. ئېتىقادنى ئىدراك ئۈستىگە قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغاچقا، چىركاۋنىڭ نوپۇزىغا چېقىلىپ قويغان. ئۇنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى ئىككى قېتىم بىدئەتلىك دەپ ھۆكۈم قىلىنغان. كېيىن ئۇ كرېننى موناستىرىغا قامىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئىلاھىيەتكە مۇقەددىمە»، «ھەق-ناھەق»، «ئازاب چېكىش تارىخىم» قاتارلىقلار بار.

ئابېنو ناكامارو

  • ئابېنو ناكامارو[يەشمىسى:]698 — 770) ياپونىيىنىڭ نارا دەۋرىدە تاڭ سۇلالىسىگە كېلىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچى. ناكاتسۇكاسا تائىفۇ فۇنا مورىنىڭ ئوغلى. مىلادى 717-يىلى (ياپونىيە يورونىڭ بىرىنچى يىلى، تاڭ سۇلالىسى كەييۇەننىڭ بەشىنچى يىلى) كىبى نىكۇنارى قاتارلىقلار ۋە تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلىدىغان ئەلچى تاجىئى ئاگاتا مورى بىلەن بىللە جۇڭگوغا بارغان. تاڭ سۇلالىسىدە كالام بېگى، سول قول مەسلىھەتچى، سول قول مۇشاۋىر، پادىشاھقا ھۈرمەت كۆرسەتكۈچى، ئوردا مۇھاپىزەتچىلەر بېگى، پۈتۈكچىلەر نازىرى، قوشۇمچە ساقچى بېگى قاتارلىق مەنسەپلەرنى ئۆتىگەن. پادىشاھ تاڭ شۇەنزۇڭ ئۇنىڭغا چاۋخېڭ دەپ ئىسىم قويۇپ، چاۋچىڭ دېگەن تەخەللۇسنى بەرگەن. 753-يىلى (ياپونىيە ئاماخىرا كاچى تاكارانىڭ بەشىنچى يىلى، تاڭ سۇلالىسى تيەنباۋ 12-يىلى)ياپونىيىنىڭ تاڭ سۇلالىسىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى فۇجىۋارا كىيوكاۋا بىلەن بىللە ۋەتىنىگە قايتقاندا، يولدا بورانغا ئۇچراپ ئەننەن دېڭىز بويلىرىغا ئېقىپ بارغان. فۇجىۋارا كىيوكاۋا بىلەن تاڭ سۇلالىسىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ يەنە ۋاقىتلىق سول قول مۇپەتتىش بېگى، جىنەننىڭ تۇتۇق بېگى بولغان. تاڭ سۇلالىسىدە 54 يىل تۇرغان. ۋاڭ ۋېي، لى بەي، چۇگۇاڭشى قاتارلىق جۇڭگو شائىرلىرى بىلەن يېقىندىن بېرىش-كېلىش قىلىپ، ئۆزئارا شېئىر تەقدىم قىلىشقان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، پادىشاھ تاڭ دەيزۇڭ ئۇنىڭغا «لۇجۇنىڭ تۇتۇق بېگى»دەپ نام بەرگەن. 

ئابى ماسائو

  • ئابى ماسائو[يەشمىسى:]1819 — 1857)ياپونىيە توكۇگاۋا شوگناتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئاقساقال. بىنگو فۇكۇياما (ھازىرقى خروسىما ناھىيىسىگە قاراشلىق)ۋاسساللىقىنىڭ بېگى. 1843-يىلى شوگناتتا ئاقساقال بولغان. 1845-يىلى تىسۇگى مىزۇنوتادا (1794 — 1851)نىڭ ئورنىنى بېسىپ باش ئاقساقال بولغان. 1854-يىلى ئامېرىكا بىلەن «ياپونىيە-ئامېرىكا دوستلۇق شەرتنامىسى»نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان. 1855-يىلى باش ئاقساقاللىق مەنسىپىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، مەخسۇس ئىچكى ئىشلارنى باشقۇرغان. دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇش، مىلتىق-زەمبىرەك ياسىتىش، قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تاللاش، غەربنىڭ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئىلغار سىياسەتلەرنى قوللانغان. 

ئابى شنويۇكى

  • ئابى شنويۇكى[يەشمىسى:]1875 — 1953)ياپونىيە باش ۋەزىرى (1939—1940)، قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1923-يىلى كانتودا يەر تەۋرىگەندە ھەربىي ھالەت شتابىنىڭ باشلىقى بولغان. 1926-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتى ھەربىي لازىمەتلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1928-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ يانداش ئەمەلدارى بولغان. 1930-يىلى 4-شىتۇەننىڭ كوماندىرى بولغان؛ 1932-يىلى تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ قوماندانى بولغان؛ 1933-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېراللىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ، ھەربىي كېڭەش ئەمەلدارى قىلىپ ئىشلىتىلگەن، 1936-يىلى زاپاس قىسىم قاتارىغا قويۇلغان، 1939-يىلى كابىنېت تەشكىللەپ، ياۋروپا ئۇرۇشىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئارمىيىسىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا، 1940-يىلى 1-ئايدا ئىستېپا بەرگەن؛ 4-ئايدا ۋاڭ جىڭۋېي قورچاق ھاكىمىيىتىدە تۇرۇشلۇق پەۋقۇلئاددە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن. 1941-يىلى 10-ئايدا مۇھىم ۋەزىرلەر يىغىنىدا كىتوساكى ئىتىسۇ بىلەن بىرلىكتە تودزىئو خىدەكىنى ئىچكى كابىنېت تەشكىللەشكە كۆرسەتكەن. 1942-يىلى تىسۇباسا سۇكې سىياسىي جەمئىيىتىنىڭ لېدىرى بولغان. 1944-يىلى چاۋشيەننىڭ باش ۋالىيسى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ ئاتالغان، كېيىن ئەيىبلەنمىگەن.

ئاپاتاتۇر

  • ئاپاتاتۇر[يەشمىسى:]ⅩⅦ ئەسىردىكى ئاۋسترىيە مونوپول سودىگەرلىرىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى. ئاۋسترىيە خان جەمەتى كۆپلىگەن كىرىمنى قولغا كەلتۈرۈش، كېلەڭسىز ئارمىيىنىڭ چىقىمىنى قامداش ئۈچۈن، ھەر خىل تاۋارلارنىڭ مەخسۇس سېتىش ھوقۇقىنى كۆتۈرە ئالغۇچى سودىگەرلەرگە سېتىپ بەرگەن. كۆتۈرە ئالغۇچى سودىگەرلەر بارلىق تاۋارلارنىڭ مەخسۇس سېتىش ھوقۇقىنى مونوپول قىلىۋېلىش بىلەن تازا بېيىپ، چوڭ كاپىتالىستلارغا ئايلانغان. ئۇلار خان جەمەتى ۋە ئاقسۆڭەكلەرگە پۇل قەرز بېرىش مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئىمتىيازغا ئىگە بولۇپ، دۆلەتنىڭ مالىيەسىنى كونترول قىلغان. كېيىن بىر قىسىم ئاقسۆڭەكلەرمۇ مەخسۇس سېتىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن ھەمدە چوڭ مونوپول سودىگەرلەر بىلەن ئالاقە باغلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سېپىگە قېتىلغان.

ئاپپىئان

  • ئاپپىئان[يەشمىسى:]Appianus، تەخ-مىنەن مىلادى 95 — 165) قەدىمكى رىم تارىخشۇناسى. گرېك. ئالېكساندرىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان. رىمدا پۇقرالىق ھوقۇقىغا، رىتسارلىق مەرتىۋىگە ئىگە بولغان. دىلولارنى سوراق قىلىشنى باشقۇرىدىغان تەپتىش ئەمەلدارى، مەمۇرىي ئۆلكە باش ۋالىيسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. گرېك تىلىدا 24 توملۇق «رىم تارىخى»نى يازغان، پۈتۈن كىتابتا پادىشاھلىق دەۋرىدىن ترايان دەۋرى (مىلادى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرى)گىچە بولغان رىم تارىخىنى يازغان. پۈتۈن كىتابتا رايون، مەمۇرىي ئۆلكە، مىللەت، ۋەقەلەر بويىچە توملارغا ئايرىپ بايان قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى ئۇرۇش تارىخى قىسمى ئىنتايىن مۇھىم؛ ھازىرغىچە ئالتىنچى، يەتتىنچى ۋە 11-تومىدىن 17-تومىغىچە بولغان قىسىملىرى ۋە باشقا پارچە قىسىملىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، قەدىمكى رىم تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، يەر مەسىلىسى رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈرەشنىڭ تۈرتكىسى، دەپ كۆرسەتكەن.

ئاپتۇر فراشېرى

  • ئاپتۇر فراشېرى[يەشمىسى:]Aptur Frasheri،1839 — 1892)ئالبانىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. 1877-يىلىدىكى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئالبانىيە ۋەكىللىرى ئۆتكۈزگەن جانىنا (Janina) يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئالبانىيىنىڭ بىرلىكىنى ۋە ئاپتونومىيىسىنى تەلەپ قىلغان. 1878-يىلى تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە مەخپىي كومىتېت قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. شۇ يىلى 6-ئايدا پرىزرېن (Prizren) پەۋقۇلئاددە يىغىنىغا قاتنىشىپ، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئالبانىيىنى بۆلۈشۈۋېلىشىغا قارشى بىرلىك سەپ قۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىپ، پرىزرېن ئىتتىپاقىنىڭ پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان. 1880-يىلى 7-ئايدا پرىزرېن ئىتتىپاقىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا، ئالبانىيىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان نىزام لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. كۆپ ئۆتمەي، ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنغان ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىغا قاتنىشىپ، ئىتتىپاق ئارمىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئالبانىيىنى قوغداش يولىدا قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغان. 1881-يىلى 2-ئايدا دىبرا (Dibra)دافېئوداللارنىڭ قەستىگە ئۇچراشقا تاسلا قالغان. 4-ئايدا، تۈركىيە ئارمىيىسى ئىتتىپاق ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان، پرىزرېن قولدىن كەتكەندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ھەمدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. كېيىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1885-يىلىدىكى ئومۇمىي كەچۈرۈمدە قويۇپ بېرىلگەن. يوقسۇللۇق ۋە كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئاپراكسىن

  • ئاپراكسىن[يەشمىسى:]Φēдор Матвеевич Апраксин،1661— 1728)روسىيە دېڭىز ئارمىيە مارشالى. پېترⅠنىڭ ئۆسمۈرلەر ئارمىيىسىگە قاتناشقاندىن باشلاپ ھەربىي ساھەگە كىرگەن. پېتر ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، دەسلەپتە ئاستراخاننىڭ گوبېرناتورى بولۇپ، ئىككىنچى قېتىملىق ئازوۋغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان (1696). 1700-يىلدىن باشلاپ دېڭىز ئارمىيە ئىشلىرى باش بۇغى بولغان. 1718-يىلى دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە دېڭىز ئۇرۇشىغا كۆپ قېتىم قوماندانلىق قىلىپ، شۋېتسىيە فلوتىنى مەغلۇپ قىلغان؛ قارا دېڭىز فلوتىغا قوماندانلىق قىلىپ، پېرسىيىگە يۈرۈش قىلىشقا قاتناشقان (1722 — 1723)، كېيىن يەنە بالتىق دېڭىز فلوتىنىڭ قوماندانى بولغان (1723 — 1726). 1726-يىلدىن باشلاپ ئالىي زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ زوراغاسى بولغان. 

ئاپرېل تېزىسلىرى

  • ئاپرېل تېزىسلىرى[يەشمىسى:] 1917-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى (رۇس كالېندارى بويىچە 4-ئاينىڭ 4-كۈنى)لېنىننىڭ تاۋرىيە سارىيىدا ئېچىلغان بولشېۋىكلار يىغىنىدا قىلغان «پرولېتارىياتنىڭ بۇ قېتىمقى ئىنقىلابتىكى ۋەزىپىلىرى توغرىسىدا»دېگەن دوكلاتى. ئاپرېلدا ئېلان قىلىنغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ تېزىستا بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئۈچۈن بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىدىن سوتسىيالىستىك ئىنقىلابقا ئۆتۈشنىڭ لۇشيەنى ۋە پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھاكىمىيەتنىڭ چوقۇم پرولېتارىيات ۋە كەڭ نامرات دېھقانلارنىڭ قولىغا ئۆتۈشى لازىملىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئۆتكۈنچى ئۇسۇلنىڭ: پومېشچىكلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىش، بارلىق يەرلەرنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش، ھەممە بانكىلارنى بىرلەشتۈرۈپ دۆلەتلىك بىر بانكا قۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا سوۋېت نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. سىياسىي جەھەتتە: پارلامېنت تۈزۈمىدىكى جۇمھۇرىيەتتىن سوۋېت جۇمھۇرىيىتىگە ئۆتۈش ئىكەنلىكى بەلگىلەپ بېرىلگەن. سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ كاپىتالىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئۆتكۈنچى دەۋرىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق ئىجتىمائىي سىياسىي تەشكىلات شەكلى ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ «سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى» دېگەن نامنى چۆرۈۋېتىپ، كوممۇنىستىك پارتىيىگە ئۆزگەرتىش ۋە ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇش تەكلىپ قىلىنغان. «ئاپرېل تېزىسلىرى» بولشېۋىكلار پارتىيىسى بىلەن خەلقنى سوتسىيالىستىك ئىنقىلابقا ئۆتۈشنىڭ توغرا لۇشيەنى بىلەن قوراللاندۇرغان بولۇپ، مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ھۈججەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئاپرېل نامايىشى

  • ئاپرېل نامايىشى[يەشمىسى:] 1917-يىلى روسىيە پېتروگراد ئىشچىلىرى بىلەن ئەسكەرلىرىنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشى. رۇس كالېندارى بويىچە ئاپرېل ئېيىدا يۈز بەرگەنلىكتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 5-ئاينىڭ 1-كۈنى (رۇس كالېندارى بويىچە 4-ئاينىڭ 18-كۈنى) ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىليۇكوۋ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تۈزگەن شەرتنامىلەرگە سادىقلىق بىلەن ئەمەل قىلىپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى «ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىچە» ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقتىن، خەلق ئاممىسىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. 5-ئاينىڭ 3 — 4-كۈنلىرى (رۇس كالېندارى بويىچە 4-ئاينىڭ 20 — 21-كۈنلىرى) پېتروگرادتا يۈز مىڭدەك ئىشچى ۋە ئەسكەر بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، «مەخپىي شەرتنامە ئاشكارىلانسۇن!»، «يوقالسۇن ئۇرۇش!»،«پۈتكۈل ھاكىمىيەت سوۋېتلەرگە مەنسۇپ!»دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ نامايىش ئۆتكۈزگەن. بۇ نامايىش ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى قېتىملىق سىياسىي كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇنىڭ بىلەن مىليۇكوۋ، گۇچكوۋلارنىڭ ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلىنىپ، ئىچكى كابىنېت ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىپ، ۋاقىتلىق بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەنگەن. 

ئاپرېل ئىش تاشلىشى

  • ئاپرېل ئىش تاشلىشى[يەشمىسى:] 1917-يىلىدىكى گېرمانىيىدىكى چوڭ سىياسىي ئىش تاشلاش. 1917-يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنى بېرلىن ھەربىي سانائىتىدىكى مېتالچىلىق ئىشچىلىرى تەمىنلىنىدىغان بولكا نورمىسىنىڭ ئازايتىلغانلىقىغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن ئىش تاشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لېيپسېگ، ھاللې، برائۇنشۋېيگ، ماگدېبۇرگ قاتارلىق سانائەت شەھەرلىرىدىكى مېتالچىلىق ئىشچىلىرىمۇ ئىش تاشلىغان. ئىش تاشلىغۇچىلار ئىقتىسادىي تەلەپلەرنى قويغاندىن باشقا، يەنە ھەربىي ھالەت بۇيرۇقى ۋە گېزىت-ژۇرناللارنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئېلىپ تاشلاش، مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنى بىكار قىلىش، سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش، ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى يولغا قويۇش، باشقا ئەللەرنىڭ زېمىنىنى قوشۇۋالماسلىق ۋە تۆلەم تۆلىمەسلىك توغرىسىدا دەرھال سۈلھ شەرتنامە تۈزۈش قاتارلىق سىياسىي تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىش تاشلاش مەزگىلىدە، ئايرىم كارخانىلاردا ئىشچى ۋەكىللىرى سوۋېتى قۇرۇلغان. لېكىن كۈچلۈك ئىنقىلابىي سىياسىي پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغانلىقتىن، ئىش تاشلاش ئاخىر گېرمانىيە ھەربىي دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.

ئاپرىلوۋ

  • ئاپرىلوۋ[يەشمىسى:]Bacил Евстатиев Априлов،1789—1847)بولغارىيىلىك پېداگوگ. گابروۋو (Габрово) دىكى سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا موسكۋادا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغاندا گرېك تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان. كېيىن ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1810-يىلى ئودېسسادا سودىگەرچىلىك قىلغاندا، كاتتا سودىگەر سالاھىيىتى بىلەن گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللىغان. مەملىكەت ئىچىدىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزىنى بۇلغار مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. 1835-يىلى گابروۋودا بۇلغارىيىدىكى تۇنجى دەھرىي مەكتەپنى ئاچقان. «ھازىرقى بۇلغارىيىدە شەكىللىنىۋاتقان تاڭ نۇرى»، «ھازىرقى بۇلغارىيىدىكى تەلىمات ئۈستىدە مۇلاھىزە» قاتارلىق مائارىپ، ئەدەبىيات ۋە تىل مەسىلىسىگە ئائىت ئەسەرلىرى بار.

ئاپوللونىيە

  • ئاپوللونىيە[يەشمىسى:]Apollonia)(1)قەدىمكى ئىللىرىيە (بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى) دىكى شەھەر. ئادرىياتىك دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقى، ئائوس (Aous) دەرياسى ئېغىزىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى كورىنف ۋە كورسىرا تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان، كېيىن تەرەققىي قىلىپ شۇ ئەتراپتىكى سودا ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى داڭلىق شەھەرگە ئايلانغان. ئىتالىيىدىن كېمە بىلەن يۇنانغا بېرىشتا دائىم ئاپوللونىيىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە رىم تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. ئوكتاۋىيان (ئىمپېراتور ئاۋگوست) ياش ۋاقتىدا بۇ شەھەردە ئوقۇغان. (2)فراكىيىدىكى قەدىمكى شەھەر. قارا دېڭىزنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان. يۇنان شەھەر دۆلىتى مىلېت (كىچىك ئاسىيادا)نىڭ كولۇنىيىسى. بۇ شەھەردە ئىقتىدا قىلىنىدىغان ئاپوللون (Apollo) ئىبادەتخانىسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا قەدىمكى زامان دۇنياسىدا يەنە ئاپوللونىيە دەپ ئاتىلىدىغان بىرقانچە شەھەر بولغان، ئۇلار ماكېدونىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى (كولخىدا يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمى)، كىچىك ئاسىيادىكى بىتىنىيە (Bithynia)، شەرقىي شىمالىي ئافرىقىدىكى كىرېنائىكا (Cyrenaica) نىڭ دېڭىز بويلىرى، پەلەستىن دېڭىز بويلىرى (كېسارىيە بىلەن ئىئوردا ئوتتۇرىسىدا)، سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ شىمالىي قىرغىقى قاتارلىقلار.

ئاپوللون

  • ئاپوللون[يەشمىسى:]Apollon ياكى Apollo) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى قۇياش خۇداسى. زېۋىس بىلەن لېتو (Leto) نىڭ ئوغلى. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، خانىكە ھېرا كۈندەشلىك قىلىپ لېتونى قوغلىۋەتكەندە، لېتىر ئېگېي دېڭىزىدىكى دېلوس ئارىلىغا قېچىپ كېلىپ، ئاپوللون بىلەن ئوۋچىلىق مەبۇدىسى ئارتېمىس (قوشكېزەك ئاكا-سىڭىل)نى تۇغۇپتۇ؛ ھېرا بوغما يىلان پېتون (Python) نى ئەۋەتىپ زىيانكەشلىك قىلماقچى بوپتۇ، دېڭىز خۇداسى پوسېيىدون ياردەم بېرىپ ئۇلارنى خەتەردىن ساقلاپ قاپتۇ. ئاپوللون ئاپىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن دېلف (ئوتتۇرا يۇناندا)قا كېلىپ، بوغما يىلاننى ئالتۇن ئوقيا بىلەن ئۆلتۈرۈپتۇ؛ دېلفتا ئاپوللون ئىبادەتخانىسى سېلىنىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ۋەھىي سۇپىسى سېلىنىپ ئۇنىڭ ۋەھىيلىرى يەتكۈزۈلۈپتۇ، كېيىن بۇ جاي تەرەققىي قىلىپ يۇناندىكى ئاپوللونغا چوقۇنىدىغان مەركەزگە ئايلانغان. دېلوس ئارىلى ۋە كلارۇس (Clarus، كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىرغاقلىرى) قاتارلىق جايلاردىمۇ ئاپوللون ئىبادەتخانىلىرى بار. ئاپوللون ف-وب-ۇس (Pyebus)دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ يورۇقلۇق خۇداسى دېگەن مەنىدە بولۇپ، بېشارەت، تىبابەتچىلىك ۋە دورىگەرلىك، چارۋىچىلىق، شېئىرىيەت ۋە نەغمە-ناۋا قاتارلىقلارنى باشقۇرغانىكەن، شۇنداقلا ئۇ مەرگەن بولغاچقا، «مەرگەنلەر خۇداسى»دەپ ئاتالغان. ئۇ دائىم قولىدا ئوقيا ياكى يەتتە تارىلىق كىفارا تۇتۇپ تۇرغان قاۋۇل ياش قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ.

ئاپوليۇس

  • ئاپوليۇس[يەشمىسى:]Lusius Apuleus، تەخمىنەن 123 — 180) قەدىمكى رىم يازغۇچىسى ۋە پەيلاسوپى. شىمالىي ئافرىقىدىكى مادائۇرا (Madaura)شەھىرىدە ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپتە كارفاگېندا ئوقۇغان، كېيىن ئافېناغا بېرىپ ئەپلاتون پەلسەپىسى ۋە ستىلىستىكىسىنى تەتقىق قىلغان. ئىتالىيە (رىم)، يۇنان، مىسىر قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلىپ، مەلۇم سىرلىق مۆجىزىلەرنى ئىزدىگەن. باي تۇل ئايال پۇدېنىتىللا (Pudentilla) بىلەن توي قىلغان، ئايالنىڭ مىراسخورى تەرىپىدىن سېھىر ئىشلىتىپ مۇھەببەتنى قولغا كەلتۈرگەن دەپ ئەرز قىلىنغان، شۇڭا ئۇ «ئاقلاش سۆزى»نى يېزىپ سوتتا ئۆزىنى ئاقلاپ غەلىبە قىلغان. ئاساسلىق ئەسىرى «شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرىسى»(«ئالتۇن ئېشەك»دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 11 توم)ئۇستىلىق بىلەن يېزىلغان، تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى مول ئەپسانە شەكىلدىكى رومان بولۇپ، رىم ئىمپېرىيىسىدىكى ناچار ئىجتىمائىي ئادەتلەرنى مەسخىرە قىلغان؛ روماننىڭ ئىچىگە قىستۇرۇلغان يوپتىر بىلەن پىسىس(Psyche) نىڭ مۇھەببىتى ھەققىدىكى كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان ھېكايە (تۆتىنچى، بەشىنچى، ئالتىنچى توملىرى)ⅩⅦ ئەسىردە ئۆتكەن فرانسىيە يازغۇچىسى لافونتائىن (Jean de La Fontaine، 1621 — 1695) غا خېلى تەسىر كۆرسەتكەن. پەلسەپە ئەسەرلىرىدىن «ئەپلاتون پەلسەپىسى توغرىسىدا» قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەپلاتوننىڭ ئىدېئالىزمنى تونۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنى قەدىرلەپ، ئۇنىڭغا ئائىت بەزى ماتېرىياللارنى ساقلاپ قالغان.

ئاپپىيە

  • ئاپپىيە[يەشمىسى:]Adolphe Appia، 1862 — 1928) شۋېتسارىيە سەھنە دىكوراتورى. جەنۋەدە تۇغۇلغان. دەسلەپتە مۇزىكا ئۆگەنگەن، كېيىن گېرمانىيە، ئاۋسترىيىدە تىياتىر ئۆگەنگەن. ۋاگنىر ناخشا-ئۇسسۇللۇق درامىسىنىڭ سەھنە دىكوراتسىيە لايىھىسىنى تىرىشىپ تەتقىق قىلغان. شۋېتسارىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇزۇن ۋاقىت پائالىيەت ئېلىپ بارغان. سەھنە دىكوراتورىنىڭ ئوبراز يارىتىش رولىغا ئەھمىيەت بېرىپ، سەھنە چىراغ نۇرىنىڭ بەدىئىيلىكىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى تەكىتلىگەن؛ سەھنە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، چىراغ نۇرى، مۇزىكا، دىكوراتسىيە بىلەن ئارتىستلار ھەرىكىتىنىڭ ماس كېلىشىنى تەشەببۇس قىلغان؛ تەقلىد قىلىنغان تەكشىلىكتىكى كۆرۈنۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ستېرېئولۇق كۆرۈنۈشنى دەسسىتىشنى تەلەپ قىلغان. «ۋاگنىر مۇزىكىلىق درامىسىنىڭ كۆرسىتىلىشى»، «مۇزىكا ۋە سەھنە»، «ھاياتىي كۈچكە ئىگە بەدىئىي ئەسەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ئاتاخۇئالپا

  • ئاتاخۇئالپا[يەشمىسى:]Atahualpa،؟—1533)ئىنكا ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى. ئىنكا پادىشاھى خۇئاينا كاپاك (Huayna Capac)نىڭ نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسى. 1525-يىلى ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن كىتو پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان، چوڭ خوتۇندىن تۇغۇلغان قېرىندىشى خۇئاسكار (Huascar) ئىنكا ئىمپېرىيىسىنىڭ باشقا زېمىنلىرىغا ئىگە بولغان. 1532-يىلى ئىچكى ئۇرۇش قوزغاپ، خۇئاسكارنى مەغلۇپ قىلىپ ھەم ئۇنى قاماپ قويۇپ، ئۆزى ئىنكانىڭ پادىشاھى بولغان. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى پېرۇنىڭ شىمالىي قىسمىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىسى پىزاررو بىلەن كاجاماركادا ئۇچراشقاندا قىلتاققا چۈشۈپ قولغا ئېلىنغان. كېيىن كۆپلىگەن ئالتۇن بىلەن ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان ھەمدە مەخپىي بۇيرۇق بېرىپ خۇئاسكارنى ئۆلتۈرگەن. كېيىن، ئاتاخۇئالپامۇ ئىسپانىيىگە قارشى تۇرۇشنى قەستلىگەن دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىككىنچى يىلى ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. 

ئاتەشپەرەسلىك

  • ئاتەشپەرەسلىك[يەشمىسى:] يەنى «زورو ئاستېر دىنى».

ئاتتىكا

  • ئاتتىكا[يەشمىسى:]Attica) قەدىمكى يۇناننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئۈچ بۇرجەكلىك يېرىم ئارال. ئافىنا دۆلىتىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى. شىمالى بۇئېئوتىيە (Boeotia) بىلەن چېگرىلىنىدۇ. غەربى مېگارىس (مېگارا)قا تۇتىشىدۇ، شەرقى بىر دەريا ئارقىلىق ئېئۇبوئېئا (Euboea) ئارىلى بىلەن روبىرو تۇرىدۇ، چېگرىسى ئىچىدە ئېدىرلىق كۆپ، غەربىي شىمالدىكى ئېلېئۇسىس (Eleusis) تىن ئافىنا شەھىرىگىچە سوزۇلغان جايلار تۈزلەڭلىك. تەۋەلىكىدە باغۋەنچىلىك تەرەققىي قىلغان بولۇپ، زەيتۇن، ئەنجۈر كۆپ، ئاشلىقنى باشقا قەبىلىلەردىن كىرگۈزگەن. سۈپەتلىك چىنە توپىسى ۋە مەرمەر تېشى چىقىدىغان بولۇپ، جەنۇبىي قىسىمدىكى روللېئون تېغىدا مول كۈمۈش كېنى بار. غەربىي قىرغىقىدا پىرېي ۋە فالىسسا پورتلىرى بولۇپ، دېڭىز سودىسى خېلى تەرەققىي قىلغان. يىراق قەدىمكى ئاھالىسى غەيرىي يۇنان تىلىدا سۆزلىشىدى-غان پىلاسگىلار (Pelasgi) بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى-دا، ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسى يۇنان تىلى تۈركۈمىگە تەۋە بولغان ئىئونىيىلىكلەرنىڭ شىمالدىن كۆچۈپ كېلىشى بىلەن شەكىللەنگەن. گومېر (Homerus) دەۋرىدە، ئاتتىكادا گېلېئونتېس(Geleontes)، ھوپلېتېس(Hopletes)، ئارگادېس (Argadeis) ۋە ئائېگىك-ورېس (Aegicoreis) تىن ئىبارەت تۆت قەبىلە بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھەربىر قەبىلىدە ئۈچتىن قېرىنداش ئۇرۇق (جەمئىي 12 قېرىنداش ئۇرۇق)، ھەربىر قېرىنداش ئۇرۇقتا 30 دىن ئۇرۇق (جەمئىي 360 ئۇرۇق) بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىر (ياكى تېخىمۇ بۇرۇن) دە پادىشاھ تېسسۇس (Thescus)ئافىنانى مەركەز قىلغان بىرلىككە كەلگەن ھاكىمىيەتنى قۇرۇپ چىقىپ، دەسلەپكى قەدەمدە شەھەر دۆلىتى (شەھەر ئىتتىپاقى)نى شەكىللەندۈرگەن؛ ئافىنا دۆلىتىنىڭ تارىخى ئافىنا مەركەز قىلىنغان ئاتتىكانىڭ تارىخى بولۇپ، شەھەر دۆلەتلىرىدە پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تەدرىجىي بىكار قىلىنىپ، بۇنىڭ ئورنىغا كونسۇل تۈزۈمى ئورنىتىلغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 683 يىل ئىلگىرى، يىلدا بىر قېتىم تەيىنلىنىدىغان كونسۇلدىن بىرقانچىسى تەسىس قىلىنىپ، ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرى پۈتكۈل مۇھىم ئەمەللەرنى (ئاقسۆڭەكلەر جۇمھۇرىيىتى)مونوپول قىلىۋالغان. پۇقرالار بىلەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەشلىرى ئارقىلىق، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى كلېستېنېس ئىسلاھاتىغا كەلگەندىلا، كونا تۆت قەبىلە بىكار قىلىنىپ، رايونلار بويىچە ئون يېڭى قەبىلە تەشكىل قىلىنىپ، ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تازىلىنىپ، دېموكراتىك سىياسىي ئورنىتىلغان؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ چاغدا ئاتتىكادا جەمئىي تەخمىنەن 170 ئاپتونومىيىلىك يېزا جامائەسى (Demoi) بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردىكى گۈللەنگەن ۋاقىت- لىرىدا، تەخمىنەن 500 مىڭ نوپۇسى بولۇپ، بۇنىڭ يېرىمىغا يېقىنى قۇللار بولۇشى مۇمكىن. 

ئاتتىلا

  • ئاتتىلا[يەشمىسى:]Attila، تەخمىنەن 406 — 453)ھون ئىمپېراتورى (434 — 453) مىلادى 434-يىلى ئۇكىسى بلېدا (Bleda) بىلەن بىرلىكتە تاغىسى رۇئا(Roua)نىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 445-يىلى بلېدا ئۆلۈپ كەتكەن (ئاتتىلا زىيانكەشلىك قىلغان، دېگەن گەپمۇ بار)دىن كېيىن بىردىنبىر ھۆكۈمران بولۇپ قالغان. 443-يىلى كۈچلۈك ھونلارنى باشلاپ كونستانتىنوپول (ۋىزانتىيە)گە يۈرۈش قىلىپ، ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى دىئودوتⅡ (TheodosiusⅡ، مىلادى 401 — 450) نى يەر بۆلۈپ بېرىشكە، ئولپان تاپشۇرۇشقا، سۈلھ تۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان. ئارقىدىنلا رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربىي قىسمىغا كىرگەن. ھونلارنىڭ قوشۇنى 500 مىڭ كىشىلىك چوڭ قوشۇن دەپ ئاتالغان، ئۇلار ياۋروپانى تازىلاپ رېين دەرياسىغىچە يېتىپ بېرىپ، بېسىپ ئۆتكەن جايلىرىدا دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، چىرىكلىشىپ زاۋالغا يۈز تۇتقان ئىمپېرىيىگە ئەجەللىك زەربە بەرگەن (كېيىنكىلەر ئۇلارنى «تەڭرى قامچىسى»دەپ ئاتىغان). 451-يىلى رېين دەرياسىدىن ئۆتكەن، شالون (Chalons، فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالى) جېڭىدە غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ باش قوماندانى ئەيتىئوس (Aetius) بىلەن غەربىي گوتلارنىڭ كورۇلى دېئودورىكⅠ(TheodoricusⅠ، ؟—451)نىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ۋالېنتىنئان (ValentinianusⅢ، 419 — 455)تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ئاتتىلا ئالىپ تاغلىرىدىن ئۆتۈپ شىمالىي ئىتالىيىنى ئېلىپ، ئاچىلىيە (Aquileia، ئادرىياتىك دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقى)نى ئۈچ ئاي ئىشغال قىلغان(452). ئېيتىش-لارغا قارىغاندا پاپا لېئوⅠ (LeoⅠ، 440—461-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان)نىڭ تەلىپى بىلەن رىم شەھىرى بەختكە يارىشا بالا-قازادىن ساقلىنىپ قالغانىكەن. ئاتتىلا ھەربىي يۈرۈشتە تاسادىپىي ئۆلۈپ كەتكەن (توي مۇراسىمىدا ئۆلۈپ كەتكەن دېگەن گەپمۇ بار). تارىخىي كىتابلاردا ئاتتىلا «ھون ئىمپېرىيىسى»نى بەرپا قىلغۇچى دەپ ئاتالغان، ئەمەلىيەتتە بۇ «ئىمپېرىيە»نىڭ ئېتىراپ قىلىنغان زېمىن دائىرىسى يوق. ئاتتىلانىڭ ھەربىي يۈرۈشى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇنقەرز بولۇشىنى تېزلەتكەن.

ئاتتىلې

  • ئاتتىلې[يەشمىسى:]Clement Richard Attlee، 1883 — 1967-يىللار) ئەنگلىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1945 — 1951) لېيبورىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى (1935 — 1955). 1905-يىلى ئوكسفورد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. دەسلەپتە ئادۋوكات بولغان، كېيىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1907-يىلى فابىئۇس جەمئىيىتىگە قاتناشقان، 1908-يىلى مۇستەقىل لېيبورىستلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغان، 1913-يىلى لوندون ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1922 — 1950-يىللىرى تۆۋەن پالاتا لېيبورىستلار پارتىيىسىنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولغان، 1924-، 1929 — 1931-يىللىرى ئىككى نۆۋەت لېيبورىستلار پارتىيىسى ئىچكى كابىنېتىغا قاتناشقان. 1935-يىلىدىن باشلاپ لېيبورىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە چېرچېلل باشچىلىقىدىكى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ۋاقىتلىق ئىچكى كابىنېتقا قاتنىشىپ، تامغا تۇتقۇچى ۋەزىر (1940 — 1942)، مۇئاۋىن باش ۋەزىر (1942 — 1945)، قوشۇمچە مۇستەملىكە ئىشلىرى ۋەزىرى (1942 — 1943) بولغان. 1945-يىلى 7-ئايدا لېيبورىستلار پارتىيىسى ئىچكى كابىنېتىنى قايتا تەشكىل قىلغاندا باش ۋەزىر بولغان. 1945 — 1946-يىللىرى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بولغان، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە سانائەتنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش سىياسىتى بىلەن ئىجتىمائىي ئىستراخۋانىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، «سوتسىيال دېموكراتىزم»نى يولغا قويۇشنى تەشۋىق قىلغان؛ سىرتقا قارىتا ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى قوللاپ، ئامېرىكا قوزغىغان چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1954-يىلى لېيبورىستلار پارتىيىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ جۇڭگونى زىيارەت قىلغان. 1955-يىلى سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان. گراف ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئەسلىمە خاتىرىلىرى، «ئامەتلىك مەزگىلدىكى ئادەم» ناملىق ئەسەرلىرى بار.

ئاتىسا

  • ئاتىسا[يەشمىسى:]Atisa، 980 — 1052) ھىندىستاندىكى بۇددا دىنىنىڭ ئالىي راھىبى. نالاندا بۇتخانىسى ۋە كايەن بۇتخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغان. Ⅺ ئەسىردە جۇڭگونىڭ شىزاڭ رايونىغا كېلىپ دىن تارقاتقان. «بۇددا تەرىقىتى توغرىسىدا» قاتارلىق بىرقانچە ئون خىلدىن ئارتۇق بۇددا ئەسەرلىرىنى يازغان.

ئاتلاس

  • ئاتلاس[يەشمىسى:]Atlas)قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئاسمان گۈمبىزىنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇچى خۇدا. گىگانت تىتان ئىئاپېتوس (Iapetus) بىلەن كلىمېنې (Clymene)نىڭ ئوغلى، پرومېتىنىڭ ئۇكىسى. ئۇ خۇدالارغا قارشى چىقىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ غەربتىكى جاي (غەربىي شىمالىي ئافرىقا)غا پالىنىپ، بوينى ۋە ئىككى قولى ئارقىلىق ئاسمان گۈمبىزىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش بىلەن جازالانغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا كۈچ-قۇدرەت خۇداسى گىراكىل ئاتلاسنىڭ ئورنىدا ئاسمان گۈمبىزىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، ئاتلاستىن ئۇنىڭ ق-ىزلىرى گېسپېرىدا(Hesperides)لار باقىدىغان مۇقەددەس باغدىن ئۈچ تال ئالتۇن ئالما ئېلىپ بېرىشنى ئۆتۈنگەنىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئارگوس ئەپسانىلىرىدىكى قەھرىمان پېرىسوس(Perseus) ئايال سېھىرگەر مېدىيە (Medusa) نىڭ بېشىنى كەسكەندىن كېيىن، ئاتلاستىن ئۇنىڭ قىزلىرى باقىدىغان مۇقەددەس باغدا تۈنەپ كېتىشكە ياردەملىشىشنى تەلەپ قىپتۇ، ئاتلاس ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىپتۇ، پېرىسوس غەزەپلىنىپ «مېدىيىنىڭ بېشى»نى چىقىرىپتۇ (ئۇنىڭ تەلەتىگە ئۇدۇل قارىغان كىشى دەرھال تاشقا ئايلىنىپ كېتىدىكەن)، ئاتلاس بىر قاراپتىكەن، دەرھال چوڭ بىر تاغقا ئايلىنىپ قاپتۇ؛ مانا بۇ ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى ئاتلاس تېغى نامىنىڭ كېلىشىدىكى ئەپسانە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئاتلانت مايمۇنسىمان ئادىمى

  • ئاتلانت مايمۇنسىمان ئادىمى[يەشمىسى:][Homoerectus mauritanicus]Atlanthropus mauritanicus) مايمۇنسىمان ئادەمنىڭ تاشقا ئايلانغان سۆڭىكى. 1954-يىلى فرانسىيىنىڭ قەدىمكى جانلىقلار بىئولوگى ئارامبۇرگ (Camille Arambourg) ئالجىرىيىنىڭ تېرنىفېن (Ternifine) دېگەن يېرىدىن ماي- مۇنسىمان ئادەمنىڭ ئۈچ پارچە ئاستىنقى ئېڭەك سۆڭىكى، بىر پارچە چوققا سۆڭىكى ۋە توققۇز تال چىشىدىن ئىبارەت تاشقا ئايلانغان سۆڭىكىنى تاپقان. ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى يوغان، ئېڭەك قىسمى ئارقا تەرىپىگە يىغىلغان، ئاستىنقى ئېڭىكى تۆۋەن ۋە كەڭ بولۇپ، ياۋا ئۆرە ماڭىدىغان مايمۇنسىمان ئادىمىگە ۋە بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سېنت ئاشېل دەۋرىدىكى پالتا قاتارلىق تاش قوراللارمۇ تېپىلغان.

ئاتلانتىك ئوكيان خارتىيىسى

  • ئاتلانتىك ئوكيان خارتىيىسى[يەشمىسى:] يەنى «روزۋېلت، چېرچې-ل بىرلەشمە خىتابنامىسى». سوۋېت-گېرمانىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلت بىلەن ئەنگلىيىنىڭ باش ۋەزىرى چېرچې-ل 1941-يىل 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ نېۋفۇندلاند دېڭىز يۈزىدە ئامېرىكىنىڭ «ئاۋگۇست»ناملىق پاراخوتىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئېلان قىلغان. تولۇق تېكىست سەككىز ماددا بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: زېمىن ۋە باشقا جەھەتلەردە كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى قوغلاشماسلىق؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ شەكلىنى ئەركىن تاللىۋېلىش ھوقۇقىغا ھۈرمەت قىلىش؛ بارلىق دۆلەتلەرنى دۇنياۋى سودا ۋە خام ئەشيا جەھەتتىكى تەڭ مۇئامىلىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش يولىدا تىرىشىش؛ ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، ئوچۇق دېڭىزدا ئەركىن قاتناش؛ قورال كۈچىنى ئىشقا سېلىشتىن ۋاز كېچىش ۋە باشقىلار. خىتابنامىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى دۇنيا بويىچە فاشىستلارغا قارشى ئىتتىپاقنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق، شۇنداقلا كېيىنكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈنمۇ ئاساس سېلىنغان.

ئاتلانتىك ئوكيان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا خىتابنامە

  • ئاتلانتىك ئوكيان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا خىتابنامە[يەشمىسى:] ئامېرىكا بىلەن غەربىي ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى خىتابنامە. 1974-يىل 6-ئاينىڭ 26-كۈنى بېلگىيىنىڭ پايتەختى بريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 15 دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىدا رەسمىي ئىمزالانغان. خىتابنامىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر «ئورتاق مۇداپىئە ئىشلىرى»نى كۈچەيتىشى، ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپا رايونىدا دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپىگە ئېتىبار بېرىشى ھەمدە بۇ خەۋپلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشى لازىم دەپ تەكىتلەنگەن؛ يەنە «دوستلۇق، باراۋەرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق روھى»، «يېقىندىن مەسلىھەتلىشىش، ھەمكارلىشىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىش»نى ساقلاش تەكىتلەنگەن. خىتابنامە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ياۋروپانى تالىشىشنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، ئۆزىنىڭ غەربىي ياۋروپادىكى ئورنىنى ساقلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇرۇش يۈزىسىدىن تەكلىپ بېرىشى ئارقىسىدا تۈزۈلگەن. غەربىي ياۋروپا بولسا، ئامېرىكا بىلەن «باراۋەر ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى» ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىپ، «ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى»نىڭ دۇنيادىكى رولىنى ئېتىراپ قىلغان. 

ئاتېلىستان

  • ئاتېلىستان[يەشمىسى:]Athelstan، 895 — 940) ئەنگلىيە كورۇلى (924 — 940). سېسىسېكس كورۇلى ئېدۋارد (Edward the Elder، ؟ — 924)نىڭ ئوغلى. ياش ۋاقتىدا مېزىيە ئوردىسىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن. تەختكە چىققان چاغدا دانىيە رايونىنى قايتۇرۇۋېلىپ، شوتلاندىيە ۋە ۋېلىسنى بويسۇندۇرۇپ، برىتانىيە ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى «برىتانىيىلىكلەرنىڭ كورۇلى»دەپ ئاتىغان. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يەر ئىگىلەپ، قورۇقلارنى قۇرۇپ، دېھقانلارنى قۇل قىلىشىغا يول قويۇپ، سىنىپىي زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرگەن. مىلادى 930-يىلى ئەركىن كىشىلەر بىر خوجايىنغا قاراشلىق بولۇشى كېرەك دەپ پەرمان چۈشۈرگەن ھەمدە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۆز يېرىدە باج ئېلىشىغا، شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ دەۋا ئىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىشىغا، دەۋا ھەققى ۋە جەرىمانە ئېلىشىغا يول قويغان. تاشقى جەھەتتە گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خان جەمەتى بىلەن قۇدا بولۇشقان.

ئاجاتاشاترۇ

  • ئاجاتاشاترۇ[يەشمىسى:]Ajatasatru، مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 462) قەدىمكى ھىندىستاندىكى ماگادخا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 493 — 462) بىمبىسارانىڭ ئوغلى، ئۇ ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈپ تەختكە چىققان. سىرتقا قارىتا پائال كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، كوشالا دۆلىتى بىلەن كاشىنى تالىشىپ ئۇرۇش قىلغان، نەتىجىدە كوشالا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى پاسېنادىنىڭ قىزىنى ئالغان، كاشى قىز مېلى سۈپىتىدە ماگادخا دۆلىتىنىڭ زېمىنىغا تەۋە بولغان. ۋاججى دۆلىتى بىلەن 16 يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، كۈچلۈك لىچىخاۋى قەبىلىسىنى بويسۇندۇرغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ماگادخا دۆلىتى شەرقىي شىمالىي قىسىمدىكى ھىندىستان دۆلەتلىرى ئىچىدە زومىگەر بولۇۋالغان. دەسلەپتە، بۇددا دىنىغا دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىنى تۇتقان. كېيىن، بۇددا دىنىغا كىرگەن، رىۋايەتلەردە دېيىلىشىچە، بۇددىساتۋا ساكيامۇنى ۋاپات بولغاندا، ئۇنىڭ سۆڭىكىنىڭ بىر بۆلىكىنى ئالدۇرۇپ كې-لىپ، پايتەختى راجاگرىخا(Rājagrha) دا تاتيا ياسىتىپ شۇ يەردە ساقلىغان؛ بۇددىستلار تۇنجى قېتىم راجاگرىخادا بىر يەرگە جەم بولۇپ كاتتا زارا-خەتمە قىلىشقان.

ئاجانتا تاش ئۆڭكۈرى

  • ئاجانتا تاش ئۆڭكۈرى[يەشمىسى:]Ajanta) ھىندىستان بۇددىزم ئۆڭكۈرلىرى. ھەيدەر ئابات شتاتىنىڭ ۋىندخىيە تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان بولۇپ، پۈتۈن ئۆڭكۈرلەر يېڭى ئاي شەكىللىك قىيالار ئۈستىگە قېزىلغان، ئۇزۇنلۇقى 550 مېتر كېلىدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردە ئىش باشلىنىپ، Ⅶ ئەسىردە تاماملانغان. بۇددا دىنىنىڭ ھىندىستاندا زاۋال تېپىشىغا ئەگىشىپ، Ⅶ ئەسىردىن باشلاپ بارا-بارا تاشلىنىپ قالغان. 1819-يىلى قايتىدىن تېپىلغان. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ زورلۇقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. جەمئىي 29 تاش ئۆڭكۈر بولۇپ، بۇنىڭ بىرى پۈتمەي قالغان. ئۆڭكۈرلەرنىڭ ئازراق بىر قىسمى بۇددا ئىبادەتخانىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بۇددا مۇنارلىرى ۋە راھىبلار ئىبادەت قىلىدىغان جاي بار؛ كۆپ قىسمى راھىبلار يېتىپ-قوپىدىغان بۇتخانا ھۇجرىلىرىدىن ئىبارەت. ئۆڭكۈرلەردە بۇددا دىنى تېما قىلىنغان كۆپلىگەن نەپىس ئويما ۋە رەسىملەر ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ساكيامونىنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى ھېكايىلەر ۋە ھىندىستاننىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئوردا تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن، شۇنداقلا ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئەمگەك قىلىۋاتقان مەنزىرىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇ قەدىمكى زاماندىكى ھىندىستان بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى، شۇنداقلا ئۇ ھىندىستاندىكى بۇددا دىنىنىڭ قۇرۇلۇش، ئويما ۋە رەسسامچىلىقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل سەنئىتىنىڭ بىردىنبىر تىپىك ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. Ⅶ ئەسىردە جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى راھىبى شۈەنزاڭ ھىندىستاننى زىيارەت قىلغاندا بۇ يەرگە بېرىپ تاۋاب-ئىبادەت قىلغان ھەمدە بۇ ھەقتە خاتىرىلەر قالدۇرغان.

ئاجىتا كېساكامبالا

  • ئاجىتا كېساكامبالا[يەشمىسى:]Ajita Kesakambala، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىر) ھىندىستاندا بۇددا دىنى ئەۋج ئالغان دەۋردىكى ئالتە چوڭ ئۇستازنىڭ بىرى. «غەيرىي بۇددا مەزھىپى» مۇتەپەككۇرى. ئۇ ماتېرىيالىستىك لوكا- ياتىچىلارغا مەنسۇپ بولۇپ، بۇ دۇنيا ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ سەۋەب-نەتىجىسى ئەمەس، بۇ دۇنيا بىلەن ئۇ دۇنيا ئوتتۇرىسىدا نۆۋەتلىشىپ تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، دۇنيا يەر، سۇ، ئوت، شامالدىن ئىبارەت «تۆت چوڭ ئاناسىر»دىن تەشكىل تاپقان، ئادەممۇ ئۆلگەندىن كېيىن «يەردىن يەرگە قايتىدۇ، سۇ سۇغا قايتىدۇ، ئوت ئوتقا قايتىدۇ، شامال شامالغا قايتىدۇ، ھەممە نەرسە بۇزۇلۇپ، تۈپتىن يوقايدۇ»(«دىرگخائاگاما»)، تەندىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان روھ مەۋجۇت ئەمەس دېگەنلەرنى تەشەببۇس قىلغان. بۇنداق تەلىمات «ئۆلۈپ يوقاش قانۇنى» دەپ ئاتالغان. ئۇ براخمان كاھىنلىرى تەرغىپ قىلغان سەدىقە بېرىش، نەزىر-چىراغ قىلىش ۋە ئۆزىنى قۇربان قىلىشنى تولىمۇ بىمەنىلىك دەپ قارىغان. 

ئاچلار قوزغىلىڭى

  • ئاچلار قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ⅩⅩئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىراندا يۈز بەرگەن ئاچلار قوزغىلىڭى. 1903 — 1904-يىللىرى ئىراندا زور ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن. كەينىدىنلا تېھران، ئىسفاھان، تەبرىز، مەشھەد قاتارلىق جايلاردا زور كۆلەملىك ئاممىۋى توپىلاڭ كېلىپ چىققان. پۇقرالار بېسىمدار سودىگەرلەرنىڭ ئاشلىق دۇكانلىرىنى، گۆشخانىلىرىنى ۋە ئامبارلىرىنى ۋەيران قىلغان. مەككار سودىگەرلەرنىڭ ئاشلىقلارنى بېسىۋېلىشىغا، يېمەكلىكلەر باھاسىنى ئۆستۈرۈشىگە قارشى تۇرغان، شۇنىڭدەك چىرىك-خىيانەتچى ھۆكۈمەتكە ئاشكارا قارشى تۇرغان. قوزغىلاڭ تېزلىكتە مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىگە يېيىلغان. پادىشاھ باش ۋەزىرنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن قوزغىلاڭ بېسىلمىغان. 

ئاچې دۆلىتى

  • ئاچې دۆلىتى[يەشمىسى:]Aceh) ھىندۇنېزىيىدىكى ئىسلام دىنىدىكى فېئودال پادىشاھلىق. ⅩⅥ ئەسىردە سۇماترا ئارىلىنىڭ شىمالىدا مەيدانغا كەلگەن. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى-نىڭ تاجاۋۇزىنى كۆپ قېتىم چېكىندۈرگەن. سۇلتان ئىسكەندەر مۇدا (Iskandar Muda)تەختتىكى مەزگىلدە (1607 — 1636) دۆلەت تازا گۈللەنگەن. پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئىگىلىۋالغان مالاككاغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان. شىمالىي سۇماترادىن باشقا، مالاي يېرىم ئارىلىدىكى بەزى جايلارغىمۇ ئىگە بولغان. پۇراقلىق ماتېرىياللار سودىسىنى كونترول قىلغان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن ئاجىزلاپ كەتكەن. 1873-يىلى گوللاندىيى-لىكلەر ئاچې ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1913-يىلى، ئاچې ئۇرۇشىدىن كېيىن گوللاندىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان. 

ئاچېسون

  • ئاچېسون[يەشمىسى:]Dean Gooder Ham Acheson، 1893 — 1971) ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى (1949 — 1953). دېموكرات. يالې داشۆسى ۋە خارۋارد قانۇن ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دېڭىز ئارمىيىسىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن. كېيىن ئادۋوكات، سوتچى بولغان. 1933-يىلى روزۋېلت ھۆكۈمىتى مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. ئالتە ئايدىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە سىياسىتىگە قوشۇلمىغانلىقتىن ئىستېپا بەرگەن. كېيىن ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ۋە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىللىرىدە ترومىننىڭ كوممۇنىزمنى چەكلەيدىغان «سوغۇق مۇنا- سىۋەتلەر ئۇرۇشى» نى ئاكتىپلىق بىلەن ئىز- چىللاشتۇرغان. شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھ- دىنامىسى تەشكىلاتىنى قۇرۇشتا، «ئامېرىكا-ئاۋسترالىيە يېڭى بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى» ۋە «ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى»نى تۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىغان. ترومىن ھۆكۈمىتىنىڭ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىشىنى قوللىغان. كېيىن ئامېرىكىنىڭ يىراق شەرق سىياسىتى بەربات بولغانلىقتىن، پارلامېنتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ يەنە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ تاشقى سىياسەت باياناتچىسى بولغان.ئۇنىڭ «ئەمەلىي كۈچ ۋە دىپلوماتىيە»، «سەھەر ۋە چۈش»قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ئاچې ئۇرۇشى

  • ئاچې ئۇرۇشى[يەشمىسى:]1873 — 1903-يىللىرى ئاچې خەلقىنىڭ گوللاندىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرىشى. ئاچې سۇماترانىڭ غەربىي بۇرجىكىگە جايلاشقان بولۇپ، مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە. 1871-يىلى ئەنگلىيە بىلەن گوللاندىيە شەرتنامە تۈزۈشۈپ، گوللاندىيە ئالتۇن قىرغاقتىكى تايانچ بازىلىرىنى ئەنگلىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىش ھېسابىغا، ئەنگلىيىنىڭ گوللاندىيىنىڭ ئاچېدا دادىل ھەرىكەت قىلىشىغا قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈۋالغان. 1873-يىلى 3-ئايدا گوللاندىيە ئاچېغا ھۇجۇم قىلغان، ئاچې خەلقى قەھرىمانلىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، يىل ئاخىرىدا، گوللاندىيە ئارمىيىسى خان ئوردىسىنى ئىگىلەپ، كوتارادجا (Kotaradja) نى ئىشغال قىلغان. 1874-يىلنىڭ بېشىدا، گوللاندىيە ئاچېنى قوشۇۋالغانلىقىنى جاكارلىغان، ئىسلام دىنى ئۇستازى تېئۇكۇ ئۇما (Teuku Uma) نىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاچې خەلقى پارتىزانلىق ئۇرۇشى تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىپ، گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. 1894-يىلدىن كېيىن، گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى مۇداپىئە لىنىيىسىنى چىڭ ساقلاپ، يۇقىرى تەبىقىدىكى فېئوداللارنى سېتىۋېلىشتەك يېڭى تاكتىكىنى قوللانغاچقا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتكەن. 1899-يىلى تېئۇكۇئۇما جەڭدە قۇربان بولغان. 1903-يىلى، ئاچې سۇلتانى قولغا چۈشۈپ، ئاچېنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى گوللاندىيىگە مەنسۇپلۇقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. لېكىن گوللاندىيىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان تارقاق كۈرەش تاكى 1912-يىلغىچە داۋاملاشقان.

ئاچىتانىيە

  • ئاچىتانىيە[يەشمىسى:]Aquitania ياكى Aquitane) فرانسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى قەدىمكى رايون نامى. دەسلەپتە ئۇنىڭ دائىرىسى گارون (Garonne) دەرياسى بىلەن پىرېنېي تاغلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جايلار بىلەن چەكلەنگەن بولۇپ، ئاھالىسى ئىبېرىكلار (Iberic) بىلەن كېلىتلار ئىدى. مىلادىدىن 56 يىل ئىلگىرى رىم گېنېرالى كائېسار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا زېمىن دائىرىسى روۋار دەرياسىغىچە كېڭەيگەن. Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا زېمىن دائىرىسى رۇۋارد دەرياسىغىچە كېڭەيگەن. Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەربىي گوتلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. 507-يىلى فرانك پادىشاھلىقىغا قوشۇلغان. تەخمىنەن 670-يىلى كىنەزلىك بولۇپ قۇرۇلغان. 1137-يىلى گېرتسوگنىڭ ۋارىسى ئېلېئانور (Eleanor) فرانسىيە كورۇلى لۇئى Ⅶ گە ياتلىق قىلىنغان. 1152-يىلى ئاجرىشىپ، ئانجو گرافى ھېنرىگە ياتلىق بولغان. 1154-يىلى ھېنرى ئەنگلىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزىنى ھېنرى Ⅱ دەپ ئاتىغان، شۇنداق قىلىپ ئاچىتانىيە ئەنگلىيە پادىشاھ جەمەتىنىڭ يېرى بولۇپ قالغان. ئەنگلىيە-فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى 100 يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىن، 1453-يىلى فرانسىيىگە قوشۇلغان، تەخمىنەن Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئاچىتانىيە گېئېن دەپ ئاتالغان.

ئاخماندۇ

  • ئاخماندۇ[يەشمىسى:]Ahmandu ibn Omar Tall، 1833 — 1898) تۇككوللىر پادىشاھلىقىنىڭ سۇلتانى (1864 — 1893). ئۆمەرنىڭ ئوغلى. 1864-يىلى ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، پادىشاھلىقنىڭ پارچىلىنىپ كېتىش ۋەزىيىتىنى ئوڭشىغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېشىدا، ئاتىسىنىڭ فرانسىيىگە قارشى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرغان، كېيىن فرانسىيە بىلەن ھامىيلىق قىلىش شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان، لېكىن مۇستەقىللىكنى يەنىلا ساقلاپ قالغان. 1889-يىلى فرانسىيە ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، سېگو قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، مېسسىناغا چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان. 1893-يىلى مېسسىنا قولدىن كەتكەندىن كېيىن، ئاخماندۇ قوشۇنىنى باشلاپ شەرقىي قىسىمدىكى رايونلارغىچە بېرىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1896-يىلى سوكودودا ئولتۇراقلىشىپ، شۇ جايدا ئۆلۈپ كەتكەن. 

ئاخمېسⅠ

  • ئاخمېسⅠ[يەشمىسى:]AhmoseⅠ ياكى AhmesⅠ). قەدىمكى يۇنانلىقلار ئاخموسىس Ⅰ(AhmosisⅠ) دەپ ئاتىغان. قەدىمكى مىسىر 18-سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋىنى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1570— 1546). مىسىرلىقلارنى ھىكسوسلارغا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، تەخمىنەن مىلادىدىن 1570 يىل ئىلگىرى تۆۋەنكى مىسىر (نىل دەرياسىنىڭ دېلتىسى)نىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئاۋارىسنى ئېلىپ، تاجاۋۇزچىلارنى مىسىر زېمىنىدىن قوغلاپ چىقارغان ھەمدە پەلەستىن ئەتراپىغا سۈرۈپ بارغان. شىمالىي ۋە جەنۇبىي مىسىرنى يېڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 18-سۇلالىنى قۇرغان، شۇنىڭدىن باشلاپ مىسىر تارىخى يېڭى پادىشاھلىق دەۋرىگە كىرگەن، تېبېسنى پايتەخت قىلغان. ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ھەربىي كۈچنى ۋە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نۇبىيىگە يۈرۈش قىلىپ، زېمىنىنى كېڭەيتىپ، يېڭى سۇلالىنىڭ گۈللىنىشىگە ئاساس سالغان. 

ئاخناتون

  • ئاخناتون[يەشمىسى:] يەنى «ئامېنخوتېپ Ⅳ».

ئاخو

  • ئاخو[يەشمىسى:]Juhani Aho، 1861— 1921) فىنلاندىيە يازغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى يۇھاننېس بروفېلد (Johannes Brofeldt). يېزا پوپى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. خېلسىنكى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. روسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى «ياش فىنلاندىيە» ھەرىكىتىگە قاتناشقان. مۇخبىر بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دەسلەپتە رېئالىزمغا مەنسۇپ بولۇپ، كېيىن رومانتىزمغا بۇرالغان. شەرق بىلەن غەرب ئىدىيىسىنىڭ توقۇنۇشىنى تەسۋىرلەپ، بۇرژۇئا مەدەنىيىتىنىڭ ساختىلىقىنى پاش قىلغان. فىنلاندىيىنىڭ ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئەدەبىياتىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «تۆمۈريول»، «پوپنىڭ قىزى»، «پوپنىڭ ئايالى»، «غېرىبلىق»، «ئەسلەش» قاتارلىقلار بار. 

ئاخۇندوۋ

  • ئاخۇندوۋ[يەشمىسى:]،(Мирза фатали Ахундов، 1812 — 1878) ئەزەربەيجان يازغۇچىسى، پەيلاسوپى. ياش ۋاقتىدا چېركاۋنىڭ تەربىيىسىنى ئالغان. تەرجىمان ۋە مۇئەللىم بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى ئىجادىيىتىنى باشلىغان. «بوتانىك مۇسئى ژوردان ۋە دەرۋىش ماستالى شاھ»، «مەككىدە ھەج قىلغان كارا»، «بېخىلنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسى» قاتارلىق ئالتە پارچە كومېدىيە، «ئالدانغان يۇلتۇز» ناملىق پوۋېست، «ھىندىستان شاھزادىسى كېمال ئۇد دۇفېلنىڭ پېرسىيە شاھزادىسى جالال ئۇد دۇفېلغا يازغان ئۈچ پارچە خېتى ۋە پېرسىيە شاھزادىسى جالالنىڭ جاۋاب خېتى» قاتارلىق پەلسەپە ماقالىلىرىنى يېزىپ، ئەزەربەيجاندىكى فېئودال پاترىئارخاللىق تۈزۈمىنىڭ گۇمران بولغانلىقىنى ۋە مۇستەبىت پادىشاھنىڭ زوراۋانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ھەمدە ئەزگۈچىلەرنى زورلۇق كۈچ بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلغان. پەلسەپە جەھەتتە ماتېرىيالىزمنى تەشۋىق قىلىپ، دىننىڭ ئىدېئالىزملىق ماھىيىتىنى پاش قىلغان. ئېستېتىكا جەھەتتە «نوقۇل سەنئەت» نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغان.

ئاخېن سۈلھ شەرتنامىسى

  • ئاخېن سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:]1) فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيىنىڭ ئىسپانىيىگە قارام بولغان نېدېرلاندىيىنى تالىشىش ئۇرۇشى (1667 — 1668) غا خاتىمە بەرگەن سۈلھ شەرتنامە. 1668-يىل 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاخېندا ئىمزالانغان. شەرتنامىگە ئاساسەن: فرانسىيە بېلگىيە چېگرىسى ئىچىدىكى بەزى جايلار (لىل، چارلېروئى قاتارلىقلار) غىلا ئىگە بولغان ھەمدە ئىشغال قىلىۋالغان فرانسىيې-كومتېنى ئىسپانىيىگە قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولغان. (2) ئاۋسترىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىغا خاتىمە بەرگەن سۈلھ شەرتنامە. 1748-يىل 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاخېندا ئىمزالانغان. شەرتنامىنى ئەنگلىيە بىلەن گوللاندىيە بىر تەرەپ، فرانسىيە بىر تەرەپ بولۇپ ئىمزالىغان. ئارقىدىن ئاۋسترىيە، ئىسپانىيە ۋە ساردىنىيە كەينى-كەينىدىن قاتناشقان. شەرتنامىدە كارل Ⅵ نىڭ يارلىقى ۋە مارىيە تېرېسىئانىڭ پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. شەرتنامىگە ئاساسەن پرۇسسىيە سىتسىلىيىگە ئىگە بولغان، ئىسپانىيە بىلەن ساردىنىيە ئاۋسترىيىنىڭ ئىتالىيە چېگرىسى ئىچىدىكى بەزى بېقىندى يەرلىرىگە ئىگە بولغان؛ فرانسىيە ئۇرۇش مەزگىلىدە ئاۋسترىيە ۋە نېدېرلاندىيىدە ئىشغال قىلىۋالغان جايلاردىن ۋاز كەچكەن ھەمدە ھىندىستان ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بەزى قارام جايلارنى ئەنگلىيىگە قايتۇرۇپ بەرگەن. ئەنگلىيە نېگىر قۇللارنى سېتىش، سېتىۋېلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغان. بۇ سۈلھ شەرتنامە پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىشىش ۋە رىقابەتنى كۈچەيتكەن.

ئاخېن يىغىنى

  • ئاخېن يىغىنى[يەشمىسى:] مۇقەددەس ئىتتىپاق قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق يىغىن. 1818-يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە ئاخېندا ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. يىغىندا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسى 1818-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن فرانسىيىدىن چىقىپ كېتىش، فرانسىيە داۋاملىق ھالدا 265 مىليون فرانك تۆلەم تۆلەش بەلگىلەنگەن. روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە ۋە ئەنگلىيە يىغىندا تۆت دۆلەت كېلىشىمىنى ئىمزالىغان، كېيىن فرانسىيىمۇ قاتنىشىپ، بەش دۆلەت ئىتتىپاقى رەسمىي شەكىللەنگەن.

ئاخىرەتلىك بۇيۇملار

  • ئاخىرەتلىك بۇيۇملار[يەشمىسى:]قەبرىگە ئۆلۈك بىلەن بىللە كۆمۈلىدىغان نەرسىلەر. ئەڭ دەسلەپتە كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە مەيدانغا كەلگەن. دەپنە ئۇسۇلى، دەۋر، رايون، ياش، جىنس، ئىجتىمائىي سالاھىيەت ۋە سىنىپنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، بىللە كۆمۈلىدىغان نەرسىلەرنىڭ تۈرى، مىقدارى ۋە تۈزۈلۈشى پەرقلىق بولغان، ئۇنىڭغا ئاساسلىنىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى جەمئىيەت ئەھۋالى بىلەن تۇرمۇش ئادىتىنى تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولىدۇ.

ئاخىرەتنامە

  • ئاخىرەتنامە[يەشمىسى:]قەدىمكى مىسىرلىقلار ئۆلگەن كىشىگە تەقدىم قىلىدىغان بىر خىل تۇمار. ئۇنىڭغا ئەپسۇن، دۇئا ۋە ئىلاھقا بولغان مەدھىيە يېزىلغان. ئادەتتە پاپروس قەغەزگە پۈتۈلۈپ، قەبرىگە قويۇپ قويۇلغان بولۇپ، ئۆلگەن كىشىنىڭ ئۇ دۇنيادىكى «كۈندۈزلۈك يول خېتى» قىلىنغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ ئۆلگەن كىشىنىڭ ئاخىرەتتە تىنچ ۋە بەختلىك بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلارمىش ھەمدە تەڭرى ئوسىرىس (Osiris)نىڭ سوراقلىرىغا ئوڭۇشلۇق تاقابىل تۇرالارمىش. ئاخىرەتنامىنىڭ كۆپىنچىسى 18-سۇلالە دەۋرى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1567—1320) دىكى تېبېس كاھىنلىرى ۋە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەبرىسىدىن تېپىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا كۆپىنچە ناھايىتى نەپىس سىزىلغان ئاخىرەتنىڭ مەنزىرىسى قوشۇمچە قىلىنغان. ئاخىرەتنامە قەدىمكى مىسىر تارىخىنى، بولۇپمۇ دىن تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

ئادامس

  • ئادامس[يەشمىسى:]1) جون ئادامس (John Adams،1735 — 1826). ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1797 — 1810). فېدې-راتسى-يىچىلەردىن. ماسسا چۇسېتس شتاتىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئادۋوكات بولغان. 1774-ۋە 1775-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىرىنچى، ئىككىنچى نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىنىڭ ۋەكىلى بولغان ھەمدە مۇستەقىللىك خىتابنامىسىنى تەييارلاشقا قاتناشقان. 1777 — 1779-يىللىرى ئارىلىقىدا كۆپ قېتىم فرانسىيىگە ئەلچى بولۇپ بارغان. 1782-يىلى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئۇرۇش توختىتىش «پارىژ سۈلھ كېلىشىمى» نى ئىمزالاشقا قاتناشقان. 1789 — 1797-يىللىرى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1796-يىلى زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا، 1799—1800-يىللىرى فرانسىيىنىڭ دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرچىلىكىنى ئىككى قېتىم مەغلۇپ قىلغان؛ مەملىكەت ئىچىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇپ، 1798-يىلى دۆلەت تەۋەلىكى قانۇنى، چەتتىن كېلىپ ماكانلىشىپ قالغانلار قانۇنى، قارشىلىشىۋاتقان چەت ئەل مۇھاجىرلىرى قانۇنى، توپىلاڭنى باستۇرۇش قانۇنى، ئۆي-جاي بېجى قانۇنى لايىھىسىنى ئېلان قىلىپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. فېدېراتسىيىچىلەرنىڭ ئابرويىنىمۇ تۆككەن. (2) جون كۇئىنسى ئادامس (8481 - 7671، John Quincy Adams). ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (9281 - 5281). ئىككىنچ-ى قېتىم زۇڭتۇڭ بولغان جون ئادامسنىڭ ئوغلى. مىللىي جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن. ماسسا- چۇسېت شتاتىدا تۇغۇلۇپ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1794-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئامېرىكىنىڭ گوللاندىيە، پرۇسسىيە، روسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان. 1814-يىلى ئەنگلىيە بىلەن «گېنت شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. 1817—1824-يىللىرى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولۇپ، «مونرو خىتابنامىسى» نى ئاساسلىق پىلانلىغۇچى بولغان. زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ خۇسۇسىيلار شىركىتىگە ياردەم بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ زور كۈچ بىلەن تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، تۆمۈريول شىركىتىگە كۆپلەپ يەر ئىنئام قىلغان؛ قوغدىنىش چېگرا بېجىنى يولغا قويۇپ، 1828-يىلى چېگرا بېجىنى ئۆستۈرىدىغان چېگرا بېجى قانۇن لايىھىسىنى تەستىقلىغانلىقتىن، جەنۇبتىكى قۇلدارلارنىڭ قاتتىق سوققىسىغا ئۇچرىغان. ئۇدا زۇڭتۇڭ بولۇشنى تالىشىپ مەغلۇپ بولغان. 1831 — 1848-يىللىرى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىغا بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلۈپ، سمىسشان ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (3) ھېنرى ئادامس (Henry Adams، 1838— 1918). ئامېرىكا تارىخشۇناسى. مەرتىۋىلىك ئائىلىدە تۇغۇلغان. چوڭ بوۋىسى ۋە بوۋىسى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان. دادىسىمۇ ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ساھەسىدە مۇھىم شەخس بولغان. 1858-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ياۋروپاغا بېرىپ ئوقۇغان ۋە ساياھەت قىلغان. كېيىن دادىسى بىلەن بىللە ئامېرىكىنىڭ ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئىشلىگەن. 1870 — 1877-يىللىرى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا «سېمىنار» (Seminar، تەتقىقات سىنىپى) ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئالدى بىلەن قوللىنىپ، تارىخ ئىلمىدە كەسپىي ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرگەن. «شىمالىي ئامېرىكا ئوبزورى» نىڭ تەھرىرى بولغان. 1894-يىلى ئامېرىكا تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1895-يىلدىن بۇرۇن ئاساسەن ئامېرىكا تارىخىنى تەتقىق قىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا مائارىپ ئىشلىرىغا كۈچ چىقارغان ھەمدە تارىخ پەلسەپىسى مەسىلىسىنى بېرىلىپ مۇھاكىمە قىلغان. توققۇز توملۇق «جېففېرسون ۋە مادىسون ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىكى ئامېرىكا تارىخى»، «دېموكراتىيە ئەقىدىيىلىرىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى» ۋە تەرجىمىھال — «ھېنرى ئادامسنىڭ تەربىيىلىنىشى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (4) ھېربېرت باكستېر ئادامس (Herbert Baxter Adams، 1850— 1901). ئامېرىكا تارىخشۇناسى. 1872-يىلى ئامسىت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، كېيىن گېرمانىيىگە بېرىپ ئوقۇغان. 1876-يىلى ھېدېلبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە دوكتورى ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان، «رانكې ئىلمىي ئېقىمى» نىڭ شاگىرتلىرىنىڭ شاگىرتى. شۇ يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ بېرىپ، خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، تارىخ پروفېسسورى بولغان. 1884-يىلى ئامېرىكا تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتىنى تەشكىللەشكە قاتناشقان ھەمدە بۇ جەمئىيەتنىڭ كاتىپى بولۇپ، 1900-يىلغا كەلگەندىلا بۇ ۋەزىپىدىن قالغان. ئۇ «رانكې ئىلمىي ئېقىمى» نىڭ تارىخ نەزەرىيىسى ۋە تارىخ مېتودولوگىيىسىنى ماختىغان ھەمدە «سېمىنار» (Seminar، تەتقىقات سىنىپى) ئوقۇتۇش ئۇسۇلى-نى ئامېرىكىغا ئېلىپ كىرگەن. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئامېرىكىنىڭ مەش-ھۇر ئۇنىۋېرسى-تېتلىرىنى قاپلاپ، بىر قەدەر زور تەسىر پەيدا قىلغان. «جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ۋە پولىتىكا تەتقىقاتى» توپلاملىرىنى تۈزۈپ چىققان. بۇنىڭدىن باشقا «جېرېدې سباكېسنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (5) جامېس ترۇسلوۋ ئادامس (James Truslow Adams،1878 — 1949) ئامېرىكا تارىخشۇناسى. 1898-يىلى برۇكېلىن ھۈنەر-سەنئەت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ئىككى يىلدىن كېيىن يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. نيۇ-يورك ئاكسىيە سودا بازىرىدا ئىشلىگەن، كېيىن مەخسۇس تارىخ ئەسەرلىرىنى يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ، تارىختا بولغانلىكى ئىشنىڭ ئىزىنى تاپقىلى بولىدۇ، ئىنسانىيەت تارىخى باشلانغاندىن ئاخىرىغىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ بارىدۇ؛ تارىخشۇناسلار ئۆزلىرى بىلگەن ئىشلارنى ۋە شۈبھىسىز توغرا بولغان پاكىتلارنى شەرھلىشى كېرەك. تارىخشۇناسلار ھەرقانداق ئەسىرىنى مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك يېزىشقا تىرىشىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىشى لازىم، دەپ ھېسابلىغان. «يېڭى ئەنگلىيىنىڭ قۇرۇلۇشى»، «ئىنقىلابىي يېڭى ئەنگلىيە، 1691—1776يىللار» ۋە «1776— 1850-يىللاردى-كى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدىكى يېڭى ئەنگلىيە» ناملىق ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇ ئۈچ ئەسەر تارىخشۇناسلىقتا مەشھۇر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا «1690—1763-يىللاردى-كى جايلار ئىجتىمائىيىتى»، «ئادامس جەمەتى»، «ئامېرىكا داستانلىرى» قاتارلىق كىتابلارنى يازغان ھەمدە «ئامېرىكا تارىخى لۇغىتى» (ئالتە توم)، «ئامېرىكا تارىخى خەرىتىلەر توپلىمى» ۋە «ئامېرىكا تارىخىدىن تاللانمىلار» (تۆت توم) قاتارلىقلارنى تۈزگەن.

ئادام سىمىت

  • ئادام سىمىت[يەشمىسى:]Adam Smith، 1723 — 1790)ئەنگلىيە كلاسسىك ئىقتىسادشۇناسلىق ئېقىمىغا ئاساس سالغۇچى. ياش ۋاقتىدا ئوكس-فورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئېدېنبۇرگ ۋە كلازگو ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئەدەبىيات، لوگىكا ۋە پەلسەپىدىن دەرس ئۆتكەن. 1776-يىلى ئىقتىسادشۇناسلىق ئەسىرى — «مىللىي بايلىقنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋەبلىرى توغرىسىدا تەتقىقات» نى ئېلان قىلغان، قىسقارتىلىپ «مىللىي بايلىق توغرىسىدا» دەپ ئاتالغان. كىتابتا تۇنجى قېتىم سىياسىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى سىستېمىلىق بايان قىلىنىپ، ئەمگەك بايلىقىنىڭ مەنبەسى ۋە قىممەتنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم ئىكەنلىكى توغرا كۆرسىتىلگەن. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە خاتا ھالدا ئىش ھەققى، پايدا ۋە يەر ئىجارىسى قىممەتنى تەشكىل قىلىدۇ، دەپ قارالغان. ئەركىن رىقابەتنى تەشەببۇس قىلىپ، سودا ئەلاچىلىقى نەزەرىيىسىنى تەنقىق قىلغان. ئۇنىڭ نەزەرىيىسى ئەنگلىيە سانائەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. شۇ چاغدىكى ئەنگلىيىنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. يەنە «ئەخلاق-مىجەز توغرىسىدا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ئادرىيانوپول ئۇرۇشى

  • ئادرىيانوپول ئۇرۇشى[يەشمىسى:]غەربىي گوتلار رىمنى مەغلۇپ قىلغان بىر قېتىم-لىق ئۇرۇش. مىلادى 375-يىلى، گوتلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان غەربىي گوتلار(Visigoths، ۋىسى گوتلار) رىم پادىشاھىنىڭ رۇخسەت قىلىشى بىلەن، شىمالدىكى داكىيە (ھازىرقى رومىنىيە) دىن چىقىپ، دۇناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ، مىسىيە ئۆلكىسى ۋە فراكىيە ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلگەن. كۆچۈپ كەلگەن غەربىي گوتلار رىم ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېزىشى ۋە زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىشىغا چىدىماي، كەڭ كۆلەملىك ئىسيان كۆتۈرۈپ (376)، شۇ جايدىكى تۆۋەن تەبىقە خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، رىم دائىرىلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. 378-يىلى رىم پادىشاھى ۋالېنىس 40 مىڭ كىشىلىك لەشكەر باشلاپ چىقىپ، ئادرىيانوپول (Adrianopolis، فراكىيە چېگرىسى ئىچىدە)دا غەربىي گوتلارغا قارشى شىددەتلىك جەڭ قىلغان. رىم لەشكەرلىرى مەغلۇپ بولۇپ، پادىشاھ ۋالېنىس جەڭدە ئۆلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن غەربىي گوتلار ئىتالىيىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلىپ، رىم ھۆكۈمرانلىقىغا داۋاملىق زەربە بەرگەن.

ئادلېر

  • ئادلېر[يەشمىسى:]Viktor Adler، 1852— 1918) ئاۋسترىيە سوتسىيال دېموكراتلار ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىسلاھاتچىلار رەھبىرى. پراگادا دۆلەتمەن يەھۇدىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىجتىھات بىلەن خىمىيە ئۆگەنگەن. 1874-يىلى مېدىتسىنا ئۆگەنگەن. ياشلىق دەۋرىدە بۇرژۇئا رادىكاللىرىغا مەنسۇپ بولۇپ، 1880-يىلى گېرمانىيە تەرەققىي-پەرۋەرلەر پارتىيىسىگە قاتناشقان ھەمدە بۇ پارتىيىگە سىياسىي پروگرامما تۈزۈپ بەرگەن. 1883-يىلى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن يېقىنلىشىپ، ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشكەن. 1885-يىلى ماقالە يېزىپ تائاففې ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتىگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان پەرمانىغا قارشى چىقىش بىلەن نام چىقارغان. 1888-يىلى 12-ئايدىن 1889-يىلى 1-ئايغىچە ھاينىفېلدتا ئېچىلغان ئاۋسترىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىرلىككە كەلگەن ۋەكىللەر يىغىنىدا پارتىيىنىڭ داھىيلىقىغا سايلانغان. 1889-يىلى ئاۋسترىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقان. 1893-يىلى ئومۇم سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1905-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىپ، قانۇنىي پارلامېنت ھەرىكىتىگە مەستانە بولۇپ كەتكەن، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوتسىيال شوۋىنىست بولۇپ كەتكەن. 1918-يىلى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى گۇمران بولغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگەن، كۆپ ئۆتمەي ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئادونىس

  • ئادونىس[يەشمىسى:]Adonis)قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى چىرايلىق ياش. سىپروس ئارىلىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پاپوس (Paphos) نىڭ پادىشاھى كىنىراس (Cinyras) بىلەن قىزى مىررا(Myrrha) دىن تۇغۇلغانمىش. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا تەڭرى ئەلچىسى مىررا بىر تۈپ شاپتۇل دەرىخىگە ئايلىنىۋالغانمىش، بۇ دەرەخ ئاخىر چىرايلىق ئادونىسنى تۇغۇپتۇ، مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك خۇداسى ئافرودىت ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ، ئۇ ئادونىسنى ساندۇققا يوشۇرۇپ قويۇپ، مول ھوسۇل مەبۇدىسى پېرسېفونى (Persephone)غا ساقلاپ بېرىشكە تاپشۇرۇپتۇ، كېيىن پېرسېفونى ئادونىسنى قايتۇرۇپ بېرىشكە ئۇنىماپتۇ. باش خۇدا زېۋىس بۇنىڭدىن كېيىن ئادونىس بىر يىلنىڭ تۆت ئېيىدا پېرسېفونى بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، تۆت ئېيىدا ئافرودىت بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، تۆت ئاينى ئۆزى باشقۇرىدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقىرىپتۇ، لېكىن ئادونىس ئۆزىگە تەۋە تۆت ئاينى ئافرودىت بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈپتۇ. ئادونىس شىكارغا چىققاندا قاۋان توڭگۇز تەرىپىدىن يارىلىنىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ، ئافرودىت ئىنتايىن ھەسرەت چېكىپتۇ. ئادونىسقا چوقۇنۇش يۇنان رايونى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى يېقىن شەرقتىكى جايلار، مەسىلەن، فىنىكىيىدىكى پېبلوس، مىسىردىكى ئىسكەندىرىيە قاتارلىق جايلارغىمۇ خېلى كەڭ تارقالغان ھەمدە ئۇ ئۆسۈملۈكتىن قايتا تۇغۇشنى تىلەش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

ئادوۋا جېڭى

  • ئادوۋا جېڭى[يەشمىسى:]ئېفىئوپىيە ئىتالىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنى يەڭگەن بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭ. 1895 — 1896-يىللىرىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئېفىئوپىيە-ئىتالىيە ئۇرۇشى داۋامىدا، 1896-يىلى 3-ئايدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئارمىيىسى ئادوۋا (Adowa) دا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. ئېفىئوپىيىنىڭ 60 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىسى پايدىلىق پوزىتسىيىنى ئىگىلىگەن ھەمدە پارتىزانلار ئۇلارغا ماسلاشقان. 17 مىڭ كىشىلىك ئىتالىيە ئارمىيىسىنىڭ قوراللىرى سەرخىل بولسىمۇ، ئوزۇق-تۈلۈكى كەمچىل، ئۇرۇش سېپى كەڭ بولغان. بىر قاتار ئۇرۇشلار ئارقىلىق ئىتالىيە ئارمىيىسى قاتتىق مەغلۇپ بولغان. 10-ئايدا ئىتالىيە سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ، ئېفىئوپىيىنىڭ تولۇق مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ئۇرۇش چىقىمى تۆلىگەن.

ئادېنائوئېر

  • ئادېنائوئېر[يەشمىسى:]Konrad Adenauer، 1876 — 1967) سابىق گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى (1940 — 1963)، خرىستىئان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى (1949 —1966). كىيولىندا ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. فرېيبۇرگ، ميۇنخېن، بونن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان. 1917-يىلى كىيولىن شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، كاتولىك دىنى مەركەز پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، بۇ پارتىيىنىڭ داھىيسى بولغان. 1920 — 1932-يىللىرى پرۇسسىيە شتات پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلىنىپ، رېين رايونىدىكى كاپىتالىستلار ئوتتۇرىغا قويغان «رېين دۆلىتى» قۇرۇش تەشەببۇسىنى قوللىغان، 15 چوڭ شىركەتنىڭ مۇدىرىيىتىگە قاتنىشىپ، نۇرغۇن مالىيە گۇرۇھلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتقان. 1933-يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 1934-يىلى سىلىيچېر ۋەقەسىگە چېتىش-لى-ق دەپ قولغا ئېلىنغان، 1944-يىلى «20-ئىيۇل» ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قايتىدىن كىيولىن شەھىرىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، خرىستىئان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىنى قۇرغان؛ گېرمانىيە قوشما شتات جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1949-يىلى 9-ئايدا فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ تۇنجى زۇڭلىلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئۇدا تۆت نۆۋەت زۇڭلى بولغان. 1951 — 1955-يىللىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلىدە ئامېرىكا بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، غەربىي ياۋروپا بىلەن بىرلىشىشنى كۈچەيتكەن ھەمدە فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە راۋاجلاندۇرغان. «ئادېنائوئېر ئەسلىمىلىرى» دېگەن ئەسىرى بار.

ئادىل ئەمگەك ئۆلچىمى قانۇنى

  • ئادىل ئەمگەك ئۆلچىمى قانۇنى[يەشمىسى:] ئەمگەك ۋاقتىغا قاراپ ئىش ھەققى بېرىش قانۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بىر خىل ئەمگەك قانۇنى لايىھىسى. 1938-يىلى 6-ئايدا ماقۇللانغان. ئۇنىڭدا: ياللانما ئىشچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى بىرىنچى يىلى ھەر بىر سائىتىگە 25 تىيىن بولۇپ، كېيىنچە 40 تىيىنغا ئۆستۈرۈلىدۇ. ھەر ھەپتىلىك ئىش ۋاقتى ئەڭ كۆپ بولغاندا 40 سائەت بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. كېيىن بۇ قانۇن كۆپ قېتىم تەڭشەلگەن. مەسىلەن: 1950-يىلى ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ھەر سائىتىگە 75 تىيىن قىلىپ تەڭشەلگەن. قانۇن لايىھىسى تەتبىقلىنىدىغان ئوبيېكتلار كۆپەيتىلىپ 8 مىليونغا يەتكەن. ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ياللانما خادىملىرى ۋە ئائىلە خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئارات

  • ئارات[يەشمىسى:]موڭغۇل تىلى بولۇپ، كەڭ مەنىسى ئەمگەكچى. بۇرۇن موڭغۇل فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغان دېھقان، چارۋىچىلارنى كۆرسىتەتتى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خەنزۇچە «ئاددىي خەلق» دەپ تەرجىمە قىلىنغان.

ئاراتوس

  • ئاراتوس[يەشمىسى:]Aratos، مىلادىدىن ئىلگىرى 271 — 213). قەدىمكى يۇنان ئاكائىيە ئىتتىپاقىنىڭ قوماندانى. ئاكائىيىنىڭ شەرقىي قوشنىسى سىكيون (Sicyon)دا تۇغۇلغان. مىلادىدىن 251 يىل ئىلگىرى يەرلىك تىران ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سىكيون بىلەن بىللە ئاكائىيە ئىتتىپاقىغا كىرگەن. مىلادىدىن 245 يىل ئىلگىرىدىن باشلاپ، مۇشۇ ئىتتىپاقنىڭ داھىيسى (سەردارى) بولۇپ سايلانغان، شۇنىڭدىن كېيىنكى 30 نەچچە يىلدا ئىتتىپاقنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقدارى بولغان. ئىتتىپاق ئۈچۈن نىزامنامە تۇرغۇزۇپ، قوشۇننى تولۇقلىغان، ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن ماكېدونىيىنىڭ كورىنتوس (Korinthos) تا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنى قوغلاپ چىقىرىپ، كۆپلىگەن يۇنان شەھەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىتتىپاققا كىرگەن. كونسېرۋاتىپلىق سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئىجتىمائىي ئىسلاھاتقا قارشى تۇرۇپ، قۇلدارلار گۇرۇھى ۋە باي سودىگەرلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغان. ماكېدونىيىنىڭ يۇناندىكى تەسىر كۈچىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، مىسىردىكى پتولېمېيⅢ بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. لېكىن كېيىن ئەيتولىيە(Aetolia) ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرغاندا، ماكېدونىيە پادىشاھى ئانتېگونۇس (فىلىپنىڭ تاغىسى) قا خوشامەت قىلغان. مىلادىدىن 221 يىل ئىلگىرى، سپارتا پادىشاھى كلېئومېنېسⅢ نىڭ ئىسلاھات ھەرىكىتىنى ئاشكارا باستۇرۇشتا، يۇناننىڭ سىياسىي مۇستەقىللىقىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە، ماكېدونىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇن چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان؛ سېللاسىيە جېڭىدە كلېئومېنېس Ⅲ ھالاك بولغان. شۇ-نىڭدىن كېيىن ئاكائىيە ئىتتىپاقى ماكېدونىيىگە تېخىمۇ بېقىنىپ قالغان. ئاخىر فىلىپⅤ تەرىپىدىن زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئاراكان

  • ئاراكان[يەشمىسى:]Arakan) بىرمىدىكى قەدىمكى دۆلەت، شەرقىي دېڭىز بويلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، بېنگال قولتۇقىغا ياندىشىپ تۇرىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يىراق قەدىمكى زاماندىلا دۆلەت قۇرۇلغانىكەن، بۇ ئانچە ئىشەنچلىك ئەمەس. مىلادىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، براخمى دىنى (Brahmana) ۋە بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلغان. Ⅹ ئەسىردىن كېيىن ئۇ ئۆزىنى بۇددا دىنى دۆلىتى دەپ ئاتىغان. Ⅺ ئەسىردىن ⅩⅢ ئەسىرگىچە شىمالىي قىسمى پاگان سۇلالىسىگە بويسۇنغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بىر مەزگىل مۇستەقىل بولغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن پېگۇ ۋە ئاۋا سۇلالىسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان. ئىسلام دىنى بۇ جايغا تارقالغاندىن كېيىن ئاراكان پادىشاھى ئىسلام دىنى ئۇنۋانىنى ئالغان. سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن پادىشاھ نارامېكلا (Narameikhla، 1404 — 1434-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) 1430-يىلى بېنگالنىڭ ياردىمى بىلەن قايتىدىن تەختكە چىققان، 1433-يىلى موروخان(Mrohaung، «كونا شەھەر» دېگەن مەنىدە) نى پايتەخت قىلغان. پادىشاھ مىنبىن (Minbin، 1531 — 1553-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە تونگو سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى تابىنشىۋېتنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. 1599-يىلى ئاراكان پادىشاھى تونگو بەگلىكى بىلەن بىرلىشىپ پېگۇنى ئىشغال قىلغان. ⅩⅥ ئەسىردىن باشلاپ پورتۇگالىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كېلىپ، ئاراكاندا تايانچ پونكىت قۇرۇپ، قوراللىق ماجىرا تۇغدۇرغان. 1666-يىلى ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسى بېسىپ كىرىپ، كىتتا پورتىنى ئىشغال قىلىۋالغان. ئاراكان زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، 1785-يىلى ئاراڭپايا سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.

ئاراگون خاندانلىقى

  • ئاراگون خاندانلىقى[يەشمىسى:]سىتسىلىيە (1282-ياكى 1302 — 1479) ۋە جەنۇبىي ئىتالىيە (1442 — 1501) دىكى فېئودال خاندانلىق. 1282-يىلى سىتسىلىيىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، فرانسىيىنىڭ ئەنجو خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ(«سىتسىلىيە كەچلىك ئىبادەت قىلغۇچىلار قوزغىلىڭى» غا قارالسۇن)، ئاراگون پادىشاھى پېدرو Ⅲ (PedroⅢ، 1276 — 1285-يىللىرى تەختكە ئولتۇرغان) نى قوشۇمچە سىتسىلىيىنىڭ پادىشاھى (پېدروⅠ دەپ ئاتىلىپ، 1282 — 1285-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) قىلىپ تىكلىگەن. 1302-يىلى ئاراگون خاندانلىقىنىڭ سىتسىلىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقى رەسمىي تۇرغۇزۇلغان. جەنۇبىي ئىتالىيىدە نېئاپول پادىشاھلىقى شەكىللەنگەن. 1442-يىلى، ئاراگون بىلەن سىتسىلىيە كورۇلى ئالفونسوⅤ (AlfonsoⅤ)قوشۇلۇپ، نېئاپول پادىشاھلىقىنى تەشكىل قىلغان. 1501-يىلى ئاراگون خاندانلىقىنىڭ نېئاپولدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان. 1504-يىلى، ئىسپانىيە ئىتالىيىدىكى ئۇرۇش (1494 — 1559) تا نېئاپولنى ئىشغال قىلىپ، كېيىن جەنۇبىي ئىتالىيە بىلەن سىتسىلىيىنى قوشۇپ، ئىككى سىتسىلىيە پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ چىققان. 

ئاراگون كىنەزلىكى

  • ئاراگون كىنەزلىكى[يەشمىسى:]ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى ئاراگون (Aragon) رايونىنىڭ فېئودال كىنەزلىكى. مىلادى Ⅸ ئەسىردە يەرلىك ئاھالىلەر ئەرەبلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئاراگون بەگلىكىنى قۇرۇپ چىققان. 925-يىلى ناۋاررا پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. 1035-يىلى، ناۋاررا پادىشاھى سانكو Ⅲ (Sancho Ⅲ،1001—1035)ئۆلگەندە، دۆلەت زېمىنىنى تۆت ئوغلىغا بۆلۈپ بەرگەن، رامىروⅠ(RamiroⅠ، 1035 — 1063) ئاراگونغا ئىگە بولۇپ، ئۇنى مۇستەقىل پادىشاھلىققا ئايلاندۇرغان. Ⅺ ئەسىر-دىن باشلاپ زېمىنىنى كېڭەيتكەن. 1118-يىلى، ئالفونسوⅠ زاراگوزا(Zaragoza)نى ئىگىلەپ، پايتەخت قىلىپ بەلگىلىگەن. 1137-يىلى قۇدا بولۇشۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كاتالۇنىيە (Cataluna)نى قوشۇۋالغان ھەمدە كاتالۇنىيە خاندانلىقى (1137 — 1410) نى قۇرۇپ چىققان. يېڭى خاندانلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئاراگون قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ شەرقتىكى ئوچىقى بولۇپ قالغان. 1212-يىلى كاستىل پادىشاھلىقى بىلەن بىرلىشىپ، تولوسا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1238-يىلى ۋالېنسىيە (Valiencia)نى قوشۇۋالغان، كېيىن دېڭىز سىرتىغا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، سىتسىلىيە (1282) ۋە ساردىنىيە (1326) نى قوشۇۋالغان ھەمدە ۋېنېتسىيە بىلەن يارىشىپ، گېنۇيە ۋە پىسا بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزغا خوجا بولۇش ھوقۇقىنى تالاشقان. 1410-يىلى كاتالۇنىيە پادىشاھلىقى ۋارىسسىز قالغاندىن كېيىن، كاستىل شاھزادىسى فېرناندۇⅠ نى ك-ورۇل (1412 — 1416) قىلىپ سايلاپ، كاستىل خاندانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. يېڭى خاندانلىق سىتسىلىيە پادىشاھلىقى ۋە نېئاپول پادىشاھلىقىنى (1442) قوشۇمچە باشقۇرغان. 1479-يىلى كاستىل پادىشاھلىقى بىلەن قوشۇلۇپ، ئىسپانىيىنىڭ بىرلىكى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

ئارامېلار

  • ئارامېلار[يەشمىسى:]Arameans) سەمىتلار (ساملار) نىڭ بىر تارمىقى. ئۇلار مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن سۈرىيە رايونىغا كىرىپ، تەدرىجىي شۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالغاچقا، «سۈرىيىلىكلەر» دەپمۇ ئاتالغان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۇلار ئېفرات دەرياسى بويلىرىغا كىرگەن ھەمدە ئورونت دەرياسى بىلەن ئېفرات دەرياسى ئارىلىقىدا بىت ئادىنى (Bit Adini) پادىشاھلىقىنى قۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىردىن Ⅹ ئەسىر-گىچە ئۇلار ئاسسۇرىيىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭغا زەربە بەرگەن. مىلادىدىن تەخمىنەن 1000 يىل ئىلگىرى ئەتراپىدا فىنىك-لاردىن ئېلىپبەلىك يېزىقنى ئۆگەنگەن ھەمدە ھەربىي كېڭەيمىچىلىك ۋە سودا-سېتىق جەريانىدا بۇ يېزىقنى غەربىي ئاسىيادىكى جايلارغا تارقاتقان. بۇ يېزىق ھەتتا ئىران ئېگىزلىكىنىڭ شەرقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغىچە تارقالغان؛ بىرقانچە يۈز يىل ئىچىدە ئارامې تىلى غەربىي ئاسىيادا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدىغان تىلغا ئايلانغان ھەمدە زور تەسىرلەرنى پەيدا قىلغان. ئارامېلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىرقانچە دۆلەت قۇرغان. ئاساسلىقى دەمەشق پادىشاھلىقى (پەلەستىننىڭ شىمالىي قىسمى ۋە ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، مىلادىدىن 732 يىل ئىلگىرى ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. كېيىن بىر قىسىم ئارامېلار باشقا مىللەتلەر بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن. ھازىرقى سۈرىيە، ئىراق ۋە تاشقى كاپكاز قاتارلىق جايلاردا ئارامېلارنىڭ ئەۋلادلىرى بار.

ئاراۋكانلار

  • ئاراۋكانلار[يەشمىسى:]Araucanos) ماپۇچلار (Mapuches قۇرۇقلۇقتىكى كىشىلەر دېگەن مەنىدە) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا ياشىغان جەڭگىۋار ئىندىئانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار چىلىدىكى بىئو-بىئو (Bio- Bio) دەرياسى بىلەن تولتېن (Tolten) دەرياسى ئەتراپلىرى ۋە ۋالدىۋىيە، ئانكىۋ قاتارلىق شتاتلاردا ئولتۇراقلاشقان. ⅩⅥ ئەسىردە ماترىئارخاللىق تۈزۈمىدىن پاترىئارخاللىق تۈزۈمىگە ئۆتۈۋاتقان بولۇپ، دېھقانچىلىق (كۆممىقوناق، ياڭيۇ قاتارلىقلارنى ئۆستۈرگەن) ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. قوشنا قەبىلىلەر بىلەن سودا قىلغان. ئۇرۇش ۋە ئوۋچىلىق قىلغاندا ھايۋانلارنى تۇتىدىغان سالما ئىشلەتكەن. ئاتا-بوۋىسىغا چوقۇنغان. ھەربىي مائارىپنى يولغا قويغان. چەتنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇزۇن ۋاقىت قارشىلىق كۆرسەتكەن، ئەڭ دەسلەپتە ئىنكا (Inca) ئىمپېرىيىسىنىڭ تاجاۋۇزى(1448 — 1482) غا قارشى تۇرغان. ⅩⅥ ئەسىردە ئۆزلىرىنىڭ ئاتاقلىق يولباشچىسى لوتارو ۋە كوبىلىكېننىڭ رەھبەرلىكىدە چىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىشىغا زەربە بەرگەن ھەمدە ئۇنى توسۇپ قالغان. 1598-يىلغا كەلگەندە بىئو-بىئو دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ بارلىق پونكىتلىرىنى بىكار قىلغان. ⅩⅦ ۋە ⅩⅧ ئەسىرلەردىمۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. 1732-، 1740-ۋە 1766-يىللىرى چوڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 1773-يىلى ئىسپانىيە شەكىل جەھەتتە ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ھازىرغىچە ئاراۋكانلارنىڭ چىلىدا تەسىرى بار.

ئاراۋى خاندانلىقى

  • ئاراۋى خاندانلىقى[يەشمىسى:]فىلالى (Filali) خاندانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەراكەشتىكى فىلالىلار قۇرغان خاندانلىق. فىلالىلار ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرەبىستاندىن مەراكەشتىكى تافىلېل (Tafilel) بوستانلىقىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. سائادى خاندانلىقى ھالاك بولغاندىن كېيىن باش كۆتۈرگەن. 1666-يىلى فېسنى ئىشغال قىلىپ، بۇ خاندانلىققا ئاساس سالغان. 1668-يىلى مەراكەشنى ئىشغال قىلىپ پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. خاندانلىق دەسلەپكى مەزگىلدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىسپانىيە بېسىۋالغان مامۇرا (Mamoura-el) نى ۋە ئەنگلىيە بېسىۋالغان تانژېر قاتارلىق جايلارنى قايتۇرۇۋالغان. 1860يىلى ئىسپانىيە-مەراكەش ئۇرۇشىدا، ئىسپانىيە تې-توئان(Tetuan)نى بېسىۋالغان. 1912-يىلى«فېس شەرتنامىسى» ئىمزالانغاندىن كېيىن فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە تىز پۈككەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مەراكەش خەلقى فرانسىيىگە قارشى كۈرەشنى ئەۋج ئالدۇرغان. 1956-يىلى فرانسىيە مەراكەش مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان. 1957-يىلى دۆلەت نامىنى «مەراكەش پادىشاھلىقى» قا ئۆزگەرتىپ، سۇلتاننى پادىشاھ دەپ ئاتىغان. 1961-يىلى ھەسەنⅡ (Moulay HassanⅡ، 1929 —) تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، خاندانلىقنىڭ 19-ئەۋلاد پادىشاھى بولغان.

ئاراي شىرائىشى

  • ئاراي شىرائىشى[يەشمىسى:]1657 — 1725) ياپونىيىنىڭ ئېدو ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى ئالىم. سىياسىئون. سەرگەردان. ئىسمى كويوشمى، تەخەللۇسى شىرائىشى. ئاتىسى ۋاسسال تەۋەلىكىدىن ئاجراپ چىققان سەرگەردان. جۈزى ئېقىمىدىكى كىگې كازۇ (1621 — 1698) نى ئۇستاز تۇتۇپ، كوفو ۋاسسال بېگى توكوگاۋا تسۇناتويا(1662 —1712)نىڭ كۇڭزىچى ئۆلىماسى بولغان. 1704-يىلى، تسۇناتويا سياگۇن توكوگاۋا كوكىچىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسمىنى ئېنوبوغا ئۆزگەرتكەن. 1709-يىلى (باۋيۇڭنىڭ 6-يىلى) سەردارلىققا ۋارىسلىق قىلغان. شىرائىشى شوگناتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىغا ئارىلاشقان. ئېنوبو ئۆلگەندىن كېيىن، يەنە ئۇنىڭ ئوغلى ئېنوكى (1709 — 1716) غا ھەمدەم بولغان. بۇ ئارىلىقتا ساموراي تۈزۈمىنى قايتا تۈزۈپ چىققان، پۇلنى باشقىدىن قۇيغان، كېمىدە سودا قىلىش يېڭى پەرمانىنى تۈزۈپ چىقىپ، مۈلكىي باشقۇرۇش دەۋرىگە كىرگەن. 1716-يىلى (شياڭباۋنىڭ تۇنجى يىلى)، كىشو ۋاسساللىقىدىن چىققان توكوگاۋايوشومۇنى سەردارلىققا ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۆز ئىشىدىن چېكىنىپ چىقىپ، مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. «تارىخ ئوقۇشتىن تەسىرات» دېگەن ئەسىرىدە تويوتومى خىدېكىچى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىلگىرىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى بايان قىلغان؛ يەنە «غەرب خەۋەرلىرى»، «چەت ئەل تىللىرىدىن تەرمىلەر» نى يېزىپ چىقىپ، بېكىنمىچىلىك تۈزۈمى شارائىتىدا غەربكە بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا نادىر ئەسىرى «تارىختىن گۇمانلار» نى يازغان، ئەسلى ئورىگىنالى يوقاپ كەتكەن، پەقەت «قەدىمكى تارىخ» تا ئۇنىڭ ياپونىيىنىڭ قەدىمكى تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ۋە تەنقىدىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ يەنە «ئوتۇن كەسلەش» دېگەن مەشھۇر تەرجىمىھالى بار.

ئاربېنىس

  • ئاربېنىس[يەشمىسى:]Jacobo Arbenz Guzman، 1913 — 1971) گۋاتېمالا زۇڭتۇڭى (1951 — 1954). دۆلەت ھەربىي ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1944-يىلى ئوبىكونىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، ئىككىنچى يىلى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1950-يىلى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتناشقان. زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن، ئىچكى جەھەتتە يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكا بىرلەشمە مېۋە-چېۋە شىركىتى ۋە چوڭ پومېشچىكلارنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىپ، مىللىي ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغان؛ تاشقى جەھەتتە مۇستەقىل دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. 1954-يىلى 6-ئايدا ئامېرىكىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن قورچاق پولكوۋنىك كاستىللو ئارماس (Carlos Castillo Armas، 1914 — 1957) ياللانما قوشۇنىنى باشلاپ ھوندوراستىن بېسىپ كىرىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. ئاربېنىس چەت ئەلگە قېچىپ كېتىپ مېكسىكا شەھىرىدە ئۆلگەن.

ئارپاد خاندانلىقى

  • ئارپاد خاندانلىقى[يەشمىسى:]ۋېنگرىيە خاندانلىقى (1000 — 1301). بۇ خاندانلىق ۋېنگرلارنىڭ يولباشچىسى ئارپاد (Arpad،؟ — 907) نى مەنبە قىلىدۇ. گېزا بەگ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىل (972 — 997) دە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىدە كاتولىك دىنىنى قوبۇل قىلغان. مىلادى 1000-يىلى ستىپانⅠ تاج كىيىپ پادىشاھ بولغان. 1030- يىلىدىن باشلاپ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى پادىشاھىنىڭ تاجاۋۇزىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. بۇ خاندانلىق ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ۋېنگرىيە جەمئىيىتى ئىپتىدائىي جامائەنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن بىۋاسىتە فېئوداللىق تۈزۈمىگە ئۆتكەن. 1222-يىلى ئاندرېۋ Ⅱ «ئالتۇن يارلىق» ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنىڭ بىلەن فېئوداللىق تەپرىقىچىلىق كۈچىيىپ، پادىشاھ ھاكىمىيىتى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. 

ئارتۇر

  • ئارتۇر[يەشمىسى:]Chester Alan Arthur، 1830 — 1886) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1881 — 1885). جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن. ۋېرمونت شتاتىدا تۇغۇلغان. 1848-يىلى ئىتتىپاقچىلار ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1861—1862-يىللىرى نيۇيورك شتاتىنىڭ ھەربىي لاۋازىمەت ئەمەلدارى بولغان. 1871-يىلى نيۇ- يورك تاموژنا باج ئىشلىرى باش نازارەتچىسى بولغان.1878-يىلى نيۇ- يورك تاموژنىسىدا خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن خايېس زۇڭتۇڭ ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. 1880-يىلى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1881-يىلى گارفېلد زۇڭتۇڭ سۇيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەنگەن. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە پارلامېنت ماقۇللىغان جۇڭگولۇقلارنى چەتكە قېقىش خاراكتېرىدىكى جۇڭگو كۆچمەنلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ۋاقتىنچە 20 يىل توختىتىش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسىنى رەت قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن پارلامېنت بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ مۇددىتىنى ئون يىل (1882-يىلدىكى جۇڭگولۇقلارنى چەتكە قېقىش قانۇن لايىھىسى) غا ئۆزگەرتكەن. 1883-يىلى پارلامېنت ماقۇللىغان مەمۇرىي ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش قانۇنىنى قوللىغان.

ئارتۇر گوردون

  • ئارتۇر گوردون[يەشمىسى:]Arthur Gordon) ئەنگلىيىگە قارام فىجىنىڭ باش ۋالىيسى. 1874-يىلى ئەنگلىيە فىجىنى يەر بۆلۈپ بېرىش كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغاندىن كېيىن، 1875-يىلى فىجىنىڭ باش ۋالىيسى بولۇشقا تەيىنلەنگەن. ئۇ باش ۋالىي بولغان مەزگىلدە خان جەمەتىنىڭ مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتى بىلەن فىجىلىقلارنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ۋاسىتىلىك مۇستەملىكىچىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، نوقۇل ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىشنى زورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن راۋاجلاندۇرغان، ھىندىستاندىن ئىشچى كىرگۈزگەن.

ئارتېمىدا ئىبادەتخانىسى

  • ئارتېمىدا ئىبادەتخانىسى[يەشمىسى:] ئېفېس (كىچىك ئاسىيا) تىك-ى مەبۇدە ئارتېمىدا ئىبادەتخانىسىنى كۆرسىتىدۇ. قەدىمكى دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى. ئارتېمىدا (Artemis) يۇنانلىقلار نەزىر-چىراغ قىلىدىغان ئاي مەبۇدىسى، شۇنداقلا تاغ مەبۇدىسى ۋە ئوۋچىلىق مەبۇدىسى؛ رىملىقلار ئۇنى دىئانا (Diana) دەپ ئاتايدۇ. ئارتېمىدا ئۈچۈن سېلىنغان ئىبادەتخانىلار ئىچىدە ئېفىستىكىسى ئەڭ داڭلىق. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىر ياكى Ⅵ ئەسىردە ياسالغان بولۇپ، ئورنى ئېفىس شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالى ئەتراپىدا، كۆلىمى چوڭ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 130 مېتر، كەڭلىكى 70 مېتر، تورۇسى 127 تاش تۈۋرۈك بىلەن كۆتۈرۈلگەن. ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 18 مېتر كېلىدۇ. مىلادىدىن 356 يىل ئىلگىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن (ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كۆيدۈرۈۋېتىلگەن كۈنى بى-لەن]ئىمپېراتور[ ئالېكساندر تۇغۇلغان كۈنى تاسادىپىي توغرا كېلىپ قالغاچقا، ئۇنىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 14-كۈنى كېچىگىچە قىلىپ بېكىتىلگەنمىش). كېيىن ئېئونىيە شەھەرلىرى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىدىن قۇرۇشقا ياردەملەشكەن بولۇپ، تېخىمۇ ھەشىمەتلىك ياسالغان. ئېفىس پۇلىغا ئويۇلغان ئارتېمىدا ئىبادەتخانىسىنىڭ نەقىشىدىن ئۇنىڭ ئىزناسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئىبادەتخانا خارابىسى ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئارخېئولوگلار تەرىپىدىن قېزىلغان.

ئارتېمىس

  • ئارتېمىس[يەشمىسى:]Artemis) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئوۋچىلىق مەبۇدىسى. رىم ئەپسانىلىرىدە دىئانا (Diana) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ زېۋىس بىلەن لېتو (Leto) دىن تۇغۇلغان بولۇپ، قۇياش خۇداسى ئاپوللون بىلەن قوشكېزەك ئاكا-سىڭىل ئىكەن. تاغ-ئورمانلاردىكى ئوۋچىلىقنى باشقۇرىدىكەن، ئاياللارنىڭ تۇغۇتىغا غەمخورلۇق قىلىدىكەن، ئۆسمۈر قىز-ئوغۇللارنىڭ ھامىيسى ئىكەن، ئۇ پاك-ئىپپەتلىك قىز بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ كەڭ چوقۇنۇشىغا ئېرىشكەنىكەن. ئۇ دائىم قولىدا ئوقيا تۇتۇپ، ئوۋ ئىتىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرىدىكەن. كېيىن يەنە ئاي خۇداسى دەپمۇ ئاتالغان، كىچىك ئاسىيادىكى ئېفسوس شەھىرىدە ئارتېمىس ئۈچۈن مەبۇدە ئىبادەتخانىسى ياسالغان، ئۇ قەدىمكى زاماندىكى دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئارتىگاس

  • ئارتىگاس[يەشمىسى:]Jose Gervasio Artigas، 1764 — 1850) ئۇراگۋاينىڭ مىللىي قەھرىمانى، مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى. ھەربىي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. 1797-يىلى ئىسپانىيىنىڭ ئاتلىق ساقچى ئەترىتىدە ئوفىتسېر بولغان، كېيىن ئۇراگۋاي قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ قوماندانى بولغان. 1811-يىلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلىپ، 5-ئايدا لاس پىيدراس (Las Piedras) جېڭىدە مۈستەملىكىچى ئارمىيىنى مەغلۇپ قىلغان. ئىككىنچى يىلى شەرقىي قىرغاقتىكى شتات باندا ئورېنتال (Banda Oriental، ھازىرقى ئۇرۇگۋاي) نىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى ئىشغال قىلغان. 1815-يىلى مونتېۋىدېئونى ئىشغال قىلىپ، پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت قۇرۇپ، دۆلەت ھامىيسى بولغان. 1816-يىلى پورتۇگالىيە ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزىغا قايتۇرما زەربە بېرىشكە رەھبەرلىك قىلغان. 1820-يىلى تاكۇئارېمبو (Tacuarembo) جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ، قېچىپ كەتكەن ھەمدە پاراگۋايدا ئۆلگەن. 

ئارچىلوكوس

  • ئارچىلوكوس[يەشمىسى:]Archilochos، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 720 — 676) قەدىمكى يۇناننىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى شائىرى. ئېگېي دېڭىزىدىكى پاروس (Paros) ئارىلىدا تۇغۇلغان. ئاتىسى تېلېسكل (Telesicles) ئاتاقلىق (راھىب) ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، ئاپىسى ئېنىپو (Enipo) دېدەكلىكتىن كېلىپ چىققان. ئۇ تائوس (Thaos) ئارىلىغا كۆچۈپ بېرىپ، ھەربىي سەپكە كىرىپ فراكىيە بويلىرى ئەتراپىدا جەڭ قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ لىكامب (Lycambes) نىڭ قىزى نېئوبۇل(Neobule)غا تەلەپ قويۇپ، ئاۋۋال ماقۇللۇقىغا ئېرىشكەن، كېيىن رەت قىلىنغان؛ ئۇ غەزەپلىنىپ ھەجۋىي شېئىرلارنى يېزىپ (ئىئامبوس) نېئوبۇلنى مەسخىرە قىلىپ ھاقارەتلىگەچكە، ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۇ ئېئونىيە لىرىك شائىرلىرى ئىچىدە تەسىرگە ئىگە شائىر بولۇپ، قەدىمكى زامان يازغۇچىلىرى ئۇنى ھەتتا گومېر، پىندارلار بىلەن تەڭ تىلغا ئالغان. پاروس ئارىلى بىلەن ناكسوس (Naxos) ئارىلى ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھازىر بەزى پارچىلار ساقلىنىپ قالغان.

ئارخات

  • ئارخات[يەشمىسى:]Arhat) ھىنايانا بۇددىزمىنىڭ غايىسىنىڭ كامالەتكە يېتىشى. ئۇنىڭ مۇنداق ئۈچ مەنىسى بار: «ئوغرىنى ئۆلتۈرۈش» يەنى دىلخەستىلىك ئوغرىسىنى ئۆلتۈرۈش؛ «تەمىنلەش» يەنى جانلىقلارنىڭ تەمىناتىنى قوبۇل قىلىش؛ «تۇغۇلماسلىق» يەنى ھايات-ماماتتىن خالى بولغان نېرۋانا ھالەتكە يېتىش. «ئارخات» ساكيامونىنىڭ ئون خىل نامىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئارخاساستىرا

  • ئارخاساستىرا[يەشمىسى:]قەدىمكى ھىندىستاننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى توغرىسىدىكى كىتابى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، «ئارخاساستىرا» ماۋوريا خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى جاندارگوپتانىڭ ۋەزىرى كائوتىلىيا (Kautiliya) يەنى بىر ئىسمى ۋىسنوگوپتا ياكى جىنناگا مىلادىدىن 300 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلىدە تۇغۇلغان) تەرىپىدىن يېزىلغان؛ يەنە بەزىلەر كائوتىلىيانىڭ ساۋاقلىرىنى ئاساس قىلىپ كېيىنكىلەر يازغان، كىتابنىڭ پۈتكەن ۋاقتى بەكمۇ كېيىن، دەپ قارايدۇ. كىتاب جەمئىي 15 توم بولۇپ، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، ھەق تەلەپ، ھەربىي ئىشلار، سودا، مالىيە، ئەدلىيە، پەن ۋە تىبابەتچىلىك قاتارلىق ھەرقايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇ كىتاب ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشىدىكى قىبلىنامىسى. ئۇنىڭدىكى بەزى مەزمۇنلار ئاپتورنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك تەكلىپ، پىكىرلىرىدىن ئىبارەت. ئاساسەن ماۋوريا خاندانلىقى مەزگىلىدىكى ئىجتىمائىي ئەھۋالنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، قەدىمكى ھىندىستان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

ئارخون

  • ئارخون[يەشمىسى:]يەنى «ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ئەمەلدار» (执政官).

ئاخېمېنىدلار خاندانلىقى

  • ئاخېمېنىدلار خاندانلىقى[يەشمىسى:]Achaemenidae) قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ خاندانلىقى «پېرسىيە ئىمپېرىيىسى» گە قاراڭ.

ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت

  • ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت[يەشمىسى:] ئارخېئولوگىيىلىك ئاتالغۇ. ئارخېئولوگىيىلىك قالدۇقلار (بولۇپمۇ ئىپتىدائىي جەمئىيەت قالدۇقلىرى) دىن قالغان ئوخشاش بىر تارىخىي دەۋرگە مەنسۇپ بولغان ۋە رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان ئورتاق گەۋدە. ئوخشاش مەدەنىيەت قالدۇقلىرىدا ئوخشاش شەكىلدىكى قورال-سايمان، قاچا-قۇچا ۋە بۇلارغا مۇناسىپ بولغان ياساش تېخنىكىسى قاتارلىقلار بولىدۇ، شۇنداقلا مەلۇم بىر خىل ئالاھىدىلىك ياكى كۆپ خىل ئالاھىدىلىك بويىچە پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ. ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيەتنىڭ نامى كۆپىنچە، تۇنجى قېتىم تېپىلغان تىپىك خارابە ئورنىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، فرانسىيىدىكى ئاببېۋىل مەدەنىيىتى قاتارلىقلار. مەزكۇر مەدەنىيەتتىكى ئالاھىدىلىكى بولغان مەلۇم قالدۇق نەرسىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، ياپونىيىنىڭ «قەدىمكى قەبرە مەدەنىيىتى» قاتارلىقلار.

ئارخېئېپىسكوپ

  • ئارخېئېپىسكوپ[يەشمىسى:]يەنى «ئېپىسكوپ». 

ئارخىمېد

  • ئارخىمېد[يەشمىسى:]Archimedes، مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 287 —212) قەدىمكى يۇناننىڭ ماتېماتىكا، فىزىكا، ئاسترونومىيە ئالىمى. فىدىياس (Pheidias) نىڭ ئوغلى، سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى چوڭ شەھەر سىراكۇزدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا مىسىرنى ساياھەت قىلغان، ئالېكساندرىيىدە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىلىم ئالغان ھەمدە ئاسترونوم كونون، جۇغراپىئون ئېراتوتىسېن قاتارلىق كۆپلىگەن مەشھۇر ئالىملار بىلەن تونۇشقان. ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، سىراكۇز ئوردىسىدا تىران ھېيروⅡ (HieroⅡ) ئۈچۈن ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل قوراللارنى لايىھىلەپ بەرگەن ۋە ياساپ بەرگەن. ماتېماتىكا جەھەتتە چەكسىز پارچىلاش مەسىلىسى ۋە تۈز سىزىق بىلەن ئەگرى سىزىقنى سېلىشتۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ، چەمبەر ئايلانمىسىنىڭ تەقرىبىي قىممىتىنى چىقارغان ھەمدە جىسىملارنىڭ سىرتقى يۈزى ۋە ھەجمىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى بېكىتكەن. ئاسترونومىيە جەھەتتە ئارىستارك (ساموس ئارىلىلىق) يەر تەۋرەش تەلىماتىنى قوبۇل قىلغان. بولۇپمۇ فىزىكا جەھەتتە تۆھپىسى زور بولۇپ، پىشاڭ قانۇنى ۋە «ئارخىمېد قانۇنى» (سۇيۇقلۇققا پاتۇرۇلغان جىسىمنىڭ ئېغىرلىقى، شۇ جىسىم سىقىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ بولىدۇ) نى كەشپ قىلىپ، ئاقار جىسىملار تەلىماتىغا ئاساس سالغان. ئۇ ئىلمىي قائىدىلەرنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يەر سۇغىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە بۇرمىسىمان سۇ چىقىرىش ناسوسىنى كەشپ قىلغان. چوڭ كېمىلەرنى ئوڭۇشلۇق سۇغا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە پولىسپاس (غالتەكلىك قۇرۇلما) قاتارلىقلارنى كەشپ قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ پەخىرلىنىپ تۇرۇپ: «ماڭا دەسسەپ تۇرىدىغان نۇقتا بىلەن تىرەش نۇقتىسى بېرىلىدىغان بولسىلا يەر شارىنى تەتۈر ئايلاندۇراتتىم» دېگەن. ئارخىمېد ۋەتەنپەرۋەر بولۇپ، ئىككىنچى قېتىملىق پونى (Poeni) ئۇرۇشىدا رىم قوشۇنلىرى سىراكۇزغا ھۇجۇم قىلغاندا، ئۇ 200 كىلوگرام كېلىدىغان چوڭ تاشنى ئاتقىلى بولىدىغان پالاخماننى لايىھىلەپ چىققان ۋە جەڭ كېمىلىرىنى سۇدىن كۆتۈرۈپ ئالالايدىغان تۇرنا تۇمشۇقلۇق بىر خىل كىران ياساپ چىققان دېگەن گەپلەرمۇ بار. رىملىقلار ئۇنىڭدىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەپ، سىراكۇز شەھىرىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇنىڭ كۆپ خىل ئەسەرلىرى ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك مىراس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

ئارراس ئىتتىپاقى

  • ئارراس ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]نىدېرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدە، غەربىي جەنۇبتىكى بىرقانچە ئۆلكىنىڭ ئاقسۆڭەك ۋەكىللىرى 1579-يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئارراس (Arras، ھازىر فرانسىيىگە قاراشلىق) شەھىرىدە تۈزگەن ئىتتىپاق. ئۇنىڭدا نىدېرلاندىيىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى ئاستىدا، ئىسپانىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ نىڭ نىدېرلاندىيىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش؛ كاتولىك دىنى مۇقەددەس ۋە دەخلىسىز قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىتتىپاق نىدېرلاندىيە باش ۋالىيسى ئالېكساندر فارنېس ( Alessandro Farnes، 1545 — 1592) بىلەن رەسمىي مۇرەسسەلىشىپ، 1585-يىلى جەنۇبتىكى فراندرىيە ۋە برابانت قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى ئىنقىلابنى ئورتاق ئۇجۇقتۇرغان. 

ئاررېنىئۇس

  • ئاررېنىئۇس[يەشمىسى:]Svante August Arrenius، 1859 — 1927) شۋېتسىيە خىمىكى، فىزىكى. ھازىرقى زامان فىزىكا، خىمىيىسىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. ئوپسالا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1886 — 1890-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گېرمانىيە، گوللاندىيىدە خىزمەت قىلغان. 1895—1904-يىللىرى ئوپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1905 — 1907-يىللىرى فىزىكا-خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. ئېلېكترولىز نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلىپ، 1903-يىلى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. كىسلاتا-ئاساس نەزەرىيىسى، خىمىيىۋى رېئاكسىيە نەزەرىيىسى، خىمىيىۋى كنېتىكا، بىئوخىمىيە ۋە ئاسترونومىيە جەھەتتە تۆھپە قوشقان. «ئېرىتىش نەزەرىيىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ئاررىئان

  • ئاررىئان[يەشمىسى:]Arrianos، لاتىنچە ئىسمى Flavius Arrianus، تەخمىنەن مىلادى 95 — 175)قەدىمكى يۇنانلىق تارىخشۇناس، پەيلاسوپ ۋە گېنېرال. ئاخىرقى مەزگىلدىكى ستوئىكچى پەيلاسوپ ئېپىكتېتىنىڭ شاگىرتى. كىچىك ئاسىيادىكى نىكومىدىيە (Nicomedia، ھازىرقى تۈركىيىدىكى ئىزمىر) دە تۇغۇلغان، 126-يىلى رىم پۇقرالىقى ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. تەخمىنەن 131 — 137-يىللىرى كاپپا دوكىيە (كىچىك ئاسىيادا) نىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن، ئالانىلارنىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرگەن. پادىشاھ ھادرىئاننىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن، قوشۇن باشلاپ جەڭگە چىققان. 138-يىلىدىن كېيىن مەخسۇس ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. 146-يىلى ئافىنا كونسۇللۇقىغا تەيىنلەنگەن. «ئالېكساندرنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىشى»(يەتتەتوم)،«ھىندىستان خاتىرىسى»،«قارا دېڭىز يۈرۈش خاتىرىسى» ۋە ئېپىكتېتىنىڭ پەلسەپىسى، ئېتىكا ماقالىلەر توپلىمىنى تەھرىرلىگەن ۋە ئۇنى باھالاپ ئىزاھلىغان ئەسەرلىرى بار.

ئارساك

  • ئارساك[يەشمىسى:]پارتخىيە (Parthia) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاسىيانىڭ غەربىدىكى قەدىمكى دۆلەت. كاسپى دېڭىزىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، ھازىرقى ئىراننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى ۋە تۈركمەنىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. ئاھالىسى ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ پارس تىلى گۇرۇپپىسىنىڭ بىر تارمىقىغا مەنسۇپ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىن باشلاپ پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ كەلگەن. مىلادىدىن 329 يىل ئىلگىرى، ماكېدونىيە پادىشاھى ئالېكساندر (ئىسكەندەر) تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. ماكېدونىيە پادىشاھلىقىغا ۋە كېيىنكى سىبلېۋىك پادىشاھلىقىغا قارام بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى شىمالىي تەرەپتىكى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر (ماساگىتلار قەبىلىلىرى) بېسىپ كىرىپ، يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە سېلېۋىك پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان. مىلادىدىن 247 يىل ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ كاتتىبېشى ئارساكⅠ (ArsacesⅠ) سېلېۋىك پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋالىيسىنى ئۆلتۈرۈپ ئۆزى پادىشاھ بولۇپ، ئارساك خاندانلىقىنى بەرپا قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە بۇ دۆلەت پەيدىنپەي كۈچەيگەن. پادىشاھ مىتىرىداتⅠۋە مىتىرىداتⅡ تەختتىكى مەزگىلدە زېمىنىنى كېڭەيتىپ، غەربتە ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە ئىككى دەريا ۋادىلىرىنىڭ شىمالىغىچە، شەرقتە باكتىرىيىنىڭ مارغىيانا ۋە ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغىچە يېتىپ بېرىپ، غەربىي ئاسىيادىكى قۇدرەتلىك بىر دۆلەتكە ئايلانغان. دەسلەپ نىسا (ھازىرقى تۈركمەنىستاننىڭ ئاشخاباد شەھىرى ئەتراپىدا) نى پايتەخت قىلغان، كېيىن ھېكاتومپېل (Hecatompylos، ھازىرقى دامخان Damghan)، ئىكباتان ۋە كېتسسفونغا كۆچكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرلەردە رىمنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. مىلادىدىن 53 يىل ئىلگىرى، كارىيە (Carrhae) جېڭىدە رىم باش قوماندانى كراسېسنى ئۆلتۈرگەن، مىلادىدىن 36 يىل ئىلگىرى، يەنە رىم باش قوماندانى ئانتونىنى مەغلۇپ قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇزاق مۇددەت رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن تۇتۇشقان. Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا زەئىپلىشىشكە قاراپ ماڭغان. 226-يىلى پېرسىيە ساسانىيلار خاندانلىقى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ، Ⅱ ئەسىرلەردە ئارساك رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن جۇڭگو (خەن سۇلالىسى) نىڭ سودا-مال ئالماشتۇرۇش، قاتناش يولى («يىپەك يولى») تۈگۈنى بولۇپ كەلگەن. مىلادىدىن 115 يىل ئىلگىرى، خەن سۇلالىسىنىڭ ۋۇدى خانى جاڭ چيەننى غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن، ئۇنىڭ مۇئاۋىن ئەلچىسى بۇ يەرگىمۇ بارغان. 97-يىلى خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى ورۇقچى بېگى بەن چاۋ گەن يىڭنى داكچىن (Dakshina، رىم) غا ئەۋەتكەن، گەن يىڭ سەپەر قىلىپ ئارساكقا بېرىپ، دېڭىزدىن ئۆتەلمەي قايتىپ كەلگەن. ئارساك مەدەنىيەتتە پېرسىيە، بابىلون، يۇنان ۋە ھىندىستان مەدەنىيەتلىرىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان.

ئارسېنىجⅢ

  • ئارسېنىجⅢ[يەشمىسى:]Arsenije Ⅲ، تەخمىنەن 1633 — 1706) سېربىيە ئاقساقىلى (1672 — 1691). كارلوۋىسنىڭ باش ئېپىسكوپى(1690 — 1706). مۇقەددەس ئىتتىپاق تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان مەزگىل (1683 — 1699) دە روسىيە، ۋېنگرىيە، ئاۋسترىيە بىلەن ئىلگىرى-كېيىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، مۇقەددەس ئىتتىپاقنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ سېربىيىنى ئازاد قىلماقچى بولغان. 1689-يىلى ئاۋسترىيە ئارمىيىسى تۈركىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلغاندا سېربىيە، مونتېنېگرو، گېرسېگوۋىنادا تۈركىيىگە قارشى كۈرەشلەرنى ئۇيۇشتۇرغان. 1690-يىلى ئاۋسترىيە ئارمىيىسى سېربىيىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، 70 مىڭدىن 80 مىڭغىچە سېربىيىلىكنى تەشكىللەپ شىمالغا كۆچۈپ، ۋېنگرىيىنىڭ جەنۇبىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئاۋسترىيە تېررىتورىيىسىدىكى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان پراۋوسلاۋىيە چېركاۋىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

ئارشىما تاكېئو

  • ئارشىما تاكېئو[يەشمىسى:]1878— 1923) ياپونىيە يازغۇچىسى. ساپپورو يېزا ئىگىلىك كەسپىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، ئامېرىكىدا ئوقۇغان، كېيىن ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساياھەتتە بولغان. 1908-يىلى ساپپورو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1910-يىلى «ئاق قېيىن» ژۇرنىلىنى نەشىر قىلىشقا قاتناشقان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۆپلىگەن ھېكايە، سەھنە ئەسىرى ۋە ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە «كايىننىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرى» دېگەن پوۋېستى ۋە «بىر ئايال» دېگەن رومانى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئالدىنقىسىدا نامرات دېھقانلارنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن؛ كېيىنكىسىدە بىر ئايالنىڭ تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق، كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ جىنايىتى ئېچىپ بېرىلگەن. كېيىن ئىدىيىدە ئازابلىنىپ، ئايال مۇخبىر خاتانو ئاكىكو بىلەن بىللە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. كېيىن ئون توملۇق «ئارشىما تاكېئو ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

ئاركادىيە

  • ئاركادىيە[يەشمىسى:]Arkadie ياكى Arcadia) قەدىمكى يۇناننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر رايون. پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. شىمالى ئاخايد بىلەن قوشنا، شەرقى ئارگولىس (Argolis) بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇبى مېسسېنىيە (Messenia) ۋە لاكونىكا (سپارتا) بىلەن، غەربى ئېلىس بىلەن تۇتىشىدۇ؛ نوقۇل ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونى بولۇپ، تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان، ئالپېئۇ (Alpheus) دەرياسى غەربىي جەنۇبىي رايونىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئاركادىيىلىكلەر ئەپسانىلەردىكى قەھرىمان ئاركاس (Arcas، زېۋىسنىڭ ئوغلى) نىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرى ئىكەن، ئۇلار دەسلەپكى مەزگىلدە دوريانلارنىڭ ئىستېلاسىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئاھالىسى ئاساسەن ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، بولۇپمۇ چارۋىچىلىق خۇداسىغا ئېتىقاد قىلغان، مەبۇدە ئارتېمىس (ئاي خۇداسى ۋە ئوۋچىلىق خۇداسى) قىمۇ ئېتىقاد قىلغان؛ ئۇلارنىڭ مىجەزى مۇلايىم بولۇپ، مۇزىكىنى بەك ياخشى كۆرەتتىكەن. دەسلەپتە «پادىشاھلىق تۈزۈم» نى يولغا قويغان، ئىككىنچى قېتىملىق مېسسېنىيە ئۇرۇشىدا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى) پادىشاھ ئارىستوكرات (Aristokrates) ئۆلتۈرۈلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى شەھەرلەر ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت تىكلەپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويغان. مۇھىم شەھەرلەردىن مەنتىنېيە (Mantinea)، تېگىيە (Tegea)، ئوركومېنۇ (Orchomenus) قاتارلىقلار بار. پېلوپوننېس ئۇرۇشىدا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرى) ئاركادىيىلىكلەر سپارتا بىلەن ئافېنا ئىككى تەرەپكە ياللانما ئەسكەر بولغان. سپارتا كۆپ قېتىم ئاركادىيىنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئىشقا ئاشۇرالمىغان. مىلادىدىن 370 يىل ئىلگىرى تېبېس ئارمىيىسى (لېۋكترا جېڭىدىن كېيىن) پېلوپوننېسقا كىرىپ سپارتانى قايتىدىن قۇرغان. ئاركادىيىلىكلەر مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئېپامېنوندا (يۇنان سەركەردىسى) نىڭ قوللىشى ئارقىسىدا مېگالوپول (Megalopolis) نى قۇرغان. مىلادىدىن 362 يىل ئىلگىرى مەنتىنېيىدىكى تېبېسلار يەنە سپارتانى مەغلۇپ قىلغان. بىر مەھەل مېگالوپولنى مەركەز قىلغان ئاركادىيە ئىتتىپاقى شەكىللەنگەن. كېيىن ئاركادىيىدىكى شەھەرلەر يەنە ماكېدونىيىگە قارشى ئاخايد ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە رىم زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. كېيىنكى دەۋردىكى غەربنىڭ بەزى ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە «ئاركادىيە» دېگەن سۆز بىلەن يېزا-قىشلاق تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن.

ئاركىرت

  • ئاركىرت[يەشمىسى:] Arkwright،1732 — 1792) ئەنگلىيىنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسى خوجايىنى. لانكاشىردا تۇغۇلغان. ئەسلى سائەتساز. 1769-يىلى ئۆزەم كەشپ قىلغان دەپ ئاتىۋالغان سۇ كۈچى بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان يىپ ئېگىرىش ماشىنىسىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. 1771-يىلى مانچېستېردا ئەنگلىيە بويىچە تۇنجى پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنى قۇرۇپ، ماشىنا بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىپ، ئەنگلىيە سانائەت ئىنقىلابىنىڭ قانات يېيىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئارگوس

  • ئارگوس[يەشمىسى:]Argos) قەدىمكى يۇنان شەھىرى. بەزى يازغۇچىلار (ئالايلۇق ھېرودوت) ن-ىڭ ئەسەرلىرىدە ئارگولس (Argolis) دەپمۇ ئاتالغان، ئوخشاش بىر رايوننى كۆرسىتىدۇ. پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى (جەنۇبىي يۇنان) نىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالى كورىنتىيە (Corintia) رايونىغا تۇتىشىدۇ، غەربى ئاركادىيە (Arcadia) بىلەن، جەنۇبى لاكونىيە(Laconia) بىلەن چېگرىلىنىدۇ. پايتەختى ئارگوس. مىكېناي مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى مىكېناي (Mycende ياكى Mnkehbl) ۋە تىرىنس (Tiryns) ئۇنىڭ چېگرىسى ئىچىدە. دەسلەپكى ئاھالىسى پېلاسگىلار (Pelasgi) بىلەن ئاكايىسلار (Achaias) بولۇپ، كېيىنكىسى مىكېناي مەدەنىيىتىنى ياراتقۇچى ھېسابلىنىدۇ؛ مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا، دورىئانلار تەرىپىدىن بوي- سۇندۇرۇلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىر-گە كەلگەندە ئىگىلىكى خېلى تەرەققىي قىلىپ، جەنۇبىي يۇناننىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بۇ يەرنىڭ سودىگەرلىرى ئېگېي دېڭىزىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، يىراقتىكى كرىت ئارىلى، سىپرۇس ئارىلى، مىسىر ۋە كىچىك ئاسىيانىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىغىچە يېتىپ بارغان. مىلادىدىن 494 يىل ئىلگىرى بۇ يەردىكى قۇللار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، بىر مەھەل ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن، كېيىن قۇلدارلار تەرىپىدىن باستۇرۇلغان؛ قوزغىلاڭچىلارنىڭ بىر تارمىقى تىرىنىس شەھىرىگە يۆتكەلگەن ۋە ئۇنى ئىگىلىگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قوزغىلاڭ 20 نەچچە يىل داۋاملاشقان. تارىختا دائىم سپارتا بىلەن مەنپەئەت توقۇنۇشى يۈز بېرىپ، ھەربىي جەھەتتە ئۇنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان. پېلوپوننېس ئۇرۇشى (مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى) دىن كېيىن ئاجىزلاپ كەتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە ئاكائىيە ئىتتىپاقىغا كىرگەن، مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅱ ئەسىردە رىم زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن.

ئارگېداس

  • ئارگېداس[يەشمىسى:]Alcides Arguedas، 1879 — 1946) بولىۋىيىلىك سوتسىئولوگ. يازغۇچى، تارىخشۇناس. لاپاستا تۇغۇلغان. پارىژدا سوتسولوگىيىنى تەتقىق قىلغان. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى بولغان (1940)، لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى، پارلامېنت ئەزاسى بولغان ھەمدە ئەنگلىيە، فرانسىيە، كولۇمبىيە، ۋېنېسۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئەلچى بولۇپ بارغان. ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە ئىندىئانلارنى ۋەقەلىك قىلىپ، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى جەلپ قىلغان. ۋەكىللىك خاراكتېرلىك ئەسىرى «مىس قورال دەۋرىدىكى ئىرق» تا بولىۋىيىدىكى ئىندىئانلارنىڭ پومېشچىكلارنىڭ ئېزىشىگە قارشى كۈرىشى تەسۋىرلەنگەن. «بېساگۇئا»، «ۋاتا-ۋارا»، «كرىئوللولارنىڭ تۇرمۇشى» قاتارلىق رومانلىرى ۋە ئىندىئانلار بىلەن ئارىلاشما قانلىقلار مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىدىن «كېسەلچان مىللەت»، «سايىنىڭ ئۇسسۇلى»، تارىخىي ئەسەرلىرىدىن «بولىۋىيە ئومۇمىي تارىخى» قاتارلىقلار بار.

ئارگىشتىⅠ

  • ئارگىشتىⅠ[يەشمىسى:]Argishtish Ⅰ) ئوراتو پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن تەخمىنەن 786 — 764 يىل ئىلگىرى). ئۇزۇن ۋاقىت سىرتقا قارىتا ئۇرۇش قىلىپ، جەنۇب تەرىپىدىكى قوشنىسى ئاسسۇرىيە پادىشاھى ئاسسىرداننى مەغلۇپ قىلىپ، 20 مىڭ كىشىنى ئەسىر ئالغان؛ زېمىنىنى شىمالغا كېڭەيتىپ كاپكازنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغىچە يەتكۈزگەن؛ ئارگىشتىفىنىلى (ھازىرقى ئارماۋىر كەنتى ئەتراپى) شەھىرىنى بىنا قىلدۇرغان ھەمدە كەڭ كۆلەمدىكى قورغان، ئىبادەتخانا ۋە سۇ ئىنشائاتلىرىنى ياساتقان. ۋان (Van) شەھىرىدىكى قىيالىققا ئويۇلغان «خۇخۇر يىلنامىسى» ۋە ئارماۋىردىن تېپىلغان ئۇرارتۇ مىخ يېزىقىدا ئارگىشتىنىڭ پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان.

ئارلېس پادىشاھلىقى

  • ئارلېس پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]بۇرگۇنېد پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. Ⅹ ئەسىردىن ⅪⅤ ئەسىرگىچە غەربىي ياۋروپادا ئۆتكەن پادىشاھلىق بولۇپ، زېمىنى فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى ۋە شۋېتسارىيىنىڭ غەربىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. پايتەختى ئارلېس شەھىرى (Arles، ئورنى مارسېلنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا بولۇپ، قەدىمكى زاماندا ئارېلاس Arelas دەپ ئاتالغان). مىلادى 933-يىلى يۇقىرى-تۆۋەن بۇرگۇنېد پادىشاھلىقىنىڭ بىرلىشىشى بىلەن شەكىللەنگەن («بۇرگۇنېد» قا قاراڭ). 1033-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىگە ئىتائەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مۇستەقىللىكنى ساقلاپ قالغان. ⅪⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا كۆپ قىسىم زېمىنى فرانسىيىگە قوشۇلغان، ئازغىنا قىسمى (شەرقىي شىمالىي قىسمى) شۋېتسارىيىگە تەۋە بولغان.

ئارمىيە ۋازارىتى ۋەزىرلىكىنى ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئوفىتسېرلار ئۆتەش تۈزۈمى

  • ئارمىيە ۋازارىتى ۋەزىرلىكىنى ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئوفىتسېرلار ئۆتەش تۈزۈمى[يەشمىسى:]ياپونىيىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى پەقەت ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان گېنېرال-ئوفىتسېرلار ئۈستىگە ئېلىش بىلەن چەكلەش تۈزۈمى. مېيجىنىڭ 4-يىلى ئېلان قىلىنغان ئارمىيە ۋازارىتى خىزمەتچى خادىملىرى توغرىسىدىكى پەرمانىدا، كوماندىرلار ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان گېنېرال-ئوفىتسېرلاردىن بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. 1900-يىلى 5-ئايدا قۇرۇقلۇق-دېڭىز ئارمىيە ۋازارىتى ئەمەلدارلىق تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ «قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرلىرى ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان مارشال-گېنېراللاردىن بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. 1913-يىلى 6-ئايدا، ئاساسىي قانۇننى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. «26-فېۋرال ۋەقەسى» دىن كېيىن ھەربىي ۋازارەتنىڭ قۇترىتىشى ئاستىدا، 1936-يىلى 5-ئايدا، خىروتاكوكى ئىچكى كابىنېتى بۇ تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ھەربىي ۋازارەت بۇ خىل ئىمتىياز تۈزۈمىدىن پايدىلىنىپ سىياسىيغا مۇتەھەملىك بىلەن ئارىلىشىپ، كۆپ قېتىم بەزى ئىچكى كابىنېتلارنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى ياكى بەربات بولۇشىغا مەجبۇر قىلغان.

ئارنالدو (برېسسىيىلىك)

  • ئارنالدو (برېسسىيىلىك)[يەشمىسى:]Arnaldo da Brescia، تەخمىنەن مىلادى 5511 - 0011) ئىتالىيىلىك سىياسىئون. برېسسىيە (Brescia، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان) دە تۇغۇلغان. فرانسىيە پەيلاسوپى ئابېللاردنىڭ شاگىرتى. برېسسىيە خەلقىنى شەھەر خوجىسى (ئېپىسكوپ) غا قارشى تۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلغاچقا، 1139-يىلى سۈرگۈن قىلىنغان. فرانسىيىگە قېچىپ بارغاندىن كېيىن ئابېللارد بىلەن بىرلىكتە موناخ بېرنارد (كلائىر ۋولف) قا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، 1140-يىلى يەنە سۈرگۈن قىلىنغان. 1143-ياكى 1145-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن. 1143-يىلى رىم سودىگەرلىرى، قول ھۈنەرۋەنلەر ۋە ئۇششاق رىتسارلار شەھەر ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغان. 1147-يىلى ئارنالدو جۇمھۇرىيەتنىڭ رەھبىرى بولغان. ئۇ پاپا بىلەن قىزىل تونلۇق ئېپىسكوپنىڭ نەپسانىيەتچىلىكى ۋە ساختىپەزلىكىنى سۆكۈپ، پاپانىڭ دەھرىي ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، دىنىي جەمئىيەتنىڭ مال-مۈلكىنى مەھرۇم قىلىشنى، ئېپىسكوپلۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. كېيىن پاپانىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ رىمدىن قېچىپ كەتكەن. 1155-يىلى توسكانادا ئىتالىيىگە بېسىپ كىرگەن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى فرىدرىخⅠ (قىزىل ساقال) ئۇنى قولغا ئېلىپ، كېيىن پاپاغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، پاپا ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. رىم جۇمھۇرىيىتى شۇنىڭ بىلەن مەغلۇپ بولغان. 

ئارنولد

  • ئارنولد[يەشمىسى:]1) توماسئارنولد (Thomas Arnold، 1795 — 1842) ئەنگلىيە پېداگوگى. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1827 - 1842-يىللىرى مەشھۇر رائاببى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ مەكتەپ مائارىپىدا نۇرغۇن ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن، تەنتەربىيە پائالىيىتىنى تەشەببۇس قىلغان، ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش تۈزۈمى - بېل-ئاندرېۋ تۈزۈمىنى يولغا قويغان. بۇ ئىسلاھاتلار كېيىن ئەنگلىيىنىڭ پۈتۈن مائارىپ سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن. 1841-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان. «تاتىست»، «پونىي ئۇرۇشىدىن ئاۋۋالقى رىم تارىخى»، «كېيىنكى دەۋردىكى رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) ماتتېۋ ئارنولد (Matthew Arnold، 1822 — 1888). ئەنگلىيە شائىرى، ئەدەبىي ئوبزورچى، مائارىپچى. توماس ئارنولدنىڭ ئوغلى. 1857 - 1867-يىللىرى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شېئىرىيەت پروفېسسورى بولغان. ئۇ، ئەنگلىيىنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپى ۋە ئەخلاق كۆز قارىشىنىڭ بوشىشىپ كەتكەنلىكىدىن ھەسرەتلىنىپ، مائارىپنى كۈچەيتىشنى، دىننى تەشەببۇس قىلىشنى قۇۋۋەتلىگەن، مۇھىم داستانلىرىدىن «سىگان ئالىمى»، «تايىئىرىسىس»، «سورراپ بىلەن روستون» قاتارلىقلار بار، ئەدەبىي ۋە سىياسىي ماقالىلىرىدىن «تەنقىدىي ماقالىلەر توپلىمى» (ئىككى توم)، «كېلت مەدەنىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات»، «مەدەنىيەت ۋە ھۆكۈمەتسىز ھالىتى» قاتارلىقلار بار.

ئارۇ دۆلىتى

  • ئارۇ دۆلىتى[يەشمىسى:]Aru)ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. سۇماترا ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. ھىندۇنېزىيىدىكى ئىسلام دىنى ئەڭ بالدۇر تارقالغان رايونلارنىڭ بىرى. ⅩⅣ ئەسىردە مادجاپات دۆلىتىگە بېقىنغان. 1411 - 1432-يىللىرى (مىڭ سۇلالىسى يۇڭلېنىڭ 9-يىللىرىدىن 21-يىللىرىغىچە) كۆپ قېتىم جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. جۇڭگونىڭ دېڭىز ساياھەتچىسى جېڭ خې بۇ يەرگە كەلگەن. ⅩⅥ ئەسىردە يارو دائىم ئاچى دۆلىتى بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرغان. كېيىن ئاچىنىڭ بېقىندى دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغان. 

ئارېس

  • ئارېس[يەشمىسى:])(Ares) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئۇرۇش خۇداسى. باش خۇدا زېۋىس بىلەن خانىكە ھېرانىڭ ئوغلى. ئۇ قەددى-قامىتى كېلىشكەن، بېشىغا ئالتۇن قالپاق، ئۇچىسىغا تۇچ ساۋۇت ۋە دۇبۇلغا كىيگەن، قولىدا ئۇزۇن نەيزە ۋە قالقان تۇتقان قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇ بەك ۋەھشىي، ئۇرۇشخۇمار بولۇپ، جەڭ قىلغاندا جەڭ ھارۋىسىدا ئولتۇرىدىكەن ياكى پىيادە ماڭىدىكەن. «تېررورلۇق»، «يېڭىلىپ قېچىش»(دېموس)، «جېدەل-ماجىرا»، «پاراكەندىچىلىك»، «شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىش» قاتارلىق بەش مۇدھىش تەڭرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىدىكەن. ئولىمپىس تېغى (يۇناننىڭ شىمالىدا) دا تۇرىدىكەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ ئاتىسى زېۋىسنىمۇ بىزار قىلغانىكەن. رىم ئەپسانىلىرىدە ئۇمارىس دەپ ئاتىلىدۇ. 

ئارىئاس

  • ئارىئاس[يەشمىسى:]Hernando Arias de Saavedra، 1564 — 1634) پاراگۋاي ھۆكۈمرانى. ھازىرقى پاراگۋايدىكى ئاسۇنسىئوندا تۇغۇلغان. پاراگۋاينىڭ يەرلىك ئاق تەنلىك تۇنجى ھۆكۈمرانى. 1592-يىلى شەھەر مەمۇرىيىتى كېڭەشمىسى تەرىپىدىن ئاسۇنسىئون شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلانغان، كېيىن ئۈچ قېتىم لاپلاتا شتاتىنىڭ شتات باشلىقى بولغان (9951-7951،9061-2061 ،8161-4161). ھۆكۈمەت قارىمىقىدا مەكتەپ ئاچقان، ئىندىئانلارنى باستۇرۇپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىسىنى كېڭەيتكەن ۋە مۇستەھكەملىگەن ھەمدە بوئېنۇس-ئايرېسنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1617-يىلى ئىسپانىيە خان جەمەتىدىن پاراگۋايدىن لاپلاتانى ئايرىۋېلىشقا ئىگە بولغان ھەمدە ئەيسا جەمئىيىتى ئۈچۈن دىن تارقىتىش رايونى تەسىس قىلىپ بەرگەن. 

ئارىتا خاچىرو

  • ئارىتا خاچىرو[يەشمىسى:]1884- 1965) ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى. نىئاگاتا ناھىيىسىدىن، ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى مەسلەكداشلار جەمئىيىتى كادىرى — ياماموتو تېجىرونىڭ ئىنىسى. 1909-يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، تاشقى ئىشلار ۋازارىتىگە خىزمەتكە كىرگەن. 1932-يىلى تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن ئەمەلدارى بولغان. 1936-يىلى 2-ئايدا، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن، 4-ئايدا خىروتا كابىنېتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1938-يىلى 2-ئايدا ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، شۇ يىلى 10-ئايدىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن كونوئې ۋە خىراتومانىڭ ئىككى نۆۋەتلىك كابىنېتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1940-يىلى يەنە كومېئۇچى كابىنېتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئىزچىل ھالدا جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارىغان. گېرمانىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش مەسىلىسىدە ھەربىي تەرەپ بىلەن پىكرى بىردەك بولمىغان، لېكىن ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى تەرتىپكە سالماقچى بولغان. 1953-يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، ياپونىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان.ئۇنىڭ «باشقىلارنىڭ كۆزىدىكى چاڭ-توزانغا قارا» ۋە «ھاماقەت خاچىرو» دېگەن ئىككى پارچە ئەسلىمىسى بار. 

ئارىتا-كرايگى كېلىشىمى

  • ئارىتا-كرايگى كېلىشىمى[يەشمىسى:] «ئەنگلىيە-ياپونىيە دەسلەپكى كېلىشىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيە جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قۇربان قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ياپونىيە بىلەن مۇرەسسەلەشكەن كېلىشىم. 1939-يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ياپونىيە بىر خائىننىڭ ئەنگلىيە ئىجارە زېمىنىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئەنگلىيە ئىجارە زېمىنىنى قورشىۋېلىپ، ئەنگلىيىنى ئۆزىنىڭ «شەرقىي ئاسىيا يېڭى تەرتىپى» نى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەنگلىيىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كرايگى (Robert Leslie Craigie، 1883 — 1959) بىلەن ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئارىتا خاچىرو سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، 24-كۈنى كېلىشىم ئىمزالىغان. ئاساسلىق مەزمۇنى: ئەنگلىيە ياپونىيىنىڭ جۇڭگودا كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغاندا، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ «ئۆز ئارمىيىسىگە توسالغۇ بولىدىغان ياكى دۈشمەنگە پايدىلىق بولغان ھەرقانداق ھەرىكەت ۋە ئامىللارنى يوق قىلىش» ھوقۇقى بولۇشنى ئېتىراپ قىلىش؛ «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرىدىكى مەقسەتكە يېتىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە ياردەم بەرمەسلىك» تىن ئىبارەت. ئىككىنچى يىلى ياپونىيە سىرتنىڭ جۇڭگوغا بولغان ماددىي ياردىمىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەنگلىيىنى يۈننەن-بىرما تاشيولى ۋە شياڭگاڭ چېگرىسىنى بېكىتىۋېتىشكە قىستىغان. 

ئارىستارك

  • ئارىستارك[يەشمىسى:]Aristarchos ياكى Aristarchus) (1) (مىلادىدىن تەخمىنەن 310 - 230 يىل ئىلگىرى) قەدىمكى يۇنان ئاسترونومى، ماتېماتىكى. ساموس ئارىلى (Samos، ئېگېي دېڭىزىدا) دا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ «قۇياش بىلەن ئاينىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ئارىلىقى» دېگەن بىر پارچىلا ئەسىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، يەر شارى ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ ۋە قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ، دېگەن قىياسنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان، ئاي يېڭى تۇغۇلغان چاغدا قۇياش بىلەن ئاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇلۇڭ ئارىلىقى °87 بولىدۇ، دەپ پەرەز قىلىپ، ئاي بىلەن يەر ئارىلىقى ۋە قۇياش بىلەن يەر ئارىلىقىنىڭ نىسبىتى 1: 18 - 1: 20 بولىدۇ، دەپ ھېسابلاپ چىققان. يەكۈنى توغرا بولمىسىمۇ، لېكىن قائىدىسى ئاددىي ۋە ئېنىق بولغاچقا، بۇ قائىدە 1000 نەچچە يىل قوللىنىلغان. «قۇياش مەركەز تەلىماتى» ئۇنىڭ ئاساسلىق تۆھپىسى بولۇپ، قۇياش ۋە تۇرغۇن يۇلتۇزلار ھەرىكەتلەنمەيدۇ، يەر شارى ۋە باشقا سەييارىلەر يۇمىلاق شەكىلدىكى ئوربېتا بويىچە قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇ، قۇياشنى سەييارىلەر سىستېمىسىنىڭ مەركىزى قىلغاندا، بارلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاسان چۈشەنگىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قىياس ئاسترونومىيە تارىخىدىكى بىر مۇھىم كەشپىيات بولۇپ، كېيىنكى دەۋردىكى كوپېرنىك (Куперник) نىڭ «قۇياش مەركەز تەلىماتى» نىڭ پېشۋاسى بولغان. (2) (مىلادىدىن تەخمىنەن 541 - 712 يىل ئىلگىرى) قەدىمكى يۇناننىڭ تارىخىي ماتېرىيالشۇناسى. سامۇتراس ئارىلى (Samothrace، ئېگېي دېڭىزىدا)دا تۇغۇلغان. مىسىرنىڭ ئىسكەندىرىيە شەھىرىدىكى ئارىستوفان (ۋىزانتىيىلىك ئارىستوفان، Aristophanes Byzatium) ئاچقان مەكتەپتە ئوقۇغان. كېيىن ئۇمۇ بۇ جايدا گرامماتىكا ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت تەنقىدى مەكتىپىنى ئاچقان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. سىپروستا ئۆلۈپ كەتكەن. تىل-گرامماتىكىنى بېرىلىپ تەتقىق قىلغان ھەمدە گومېر، پىندار، ئېسىكوروس، ئارىستوفان، ھېرودوت ۋە باشقا مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ چىققان ياكى ئىزاھلىغان. ئىشەنچلىك نۇسخىلىرىنى بېكىتىپ بەرگەن؛ بولۇپمۇ گومېر داستانىنى رەتلەش بىلەن مەشھۇر، ئۇ تۈرلەرگە ئايرىپ چىققان «ئىليادا» ۋە «ئودېسسا» نىڭ 24 توملۇق نۇسخىلىرى ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا. ئۇ ۋە شاگىرتى دىئونىس تراكس (Dionysios Thrax) قاتارلىقلار گرامماتىكا تەتقىقاتى ۋە قەدىمكى تارىخىي ماتېرىيالشۇناسلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتا خېلى تۆھپە قوشقان. 

ئارىستوتېل

  • ئارىستوتېل[يەشمىسى:]Aristoteles ياكى Aristotle، مىلادىدىن ئىلگىرى 384 — 322) قەدىمكى يۇنان پەي-لاسوپى، مەشھۇر ئالىم. كولخىدا يېرىم ئارىلى (ئېگېي دېڭىزىنىڭ غەربىي شىمالى) دىكى يۇنان مۇستەملىكە شەھىرى ستاگىر (Стагур) دا تۇغۇلغان. دادىسى نىكوماكاس(Nicomachas)ماكېدونىيە پادىشاھىنىڭ خاس دوختۇرى بولغان. ئانىسى فىستۇيە ئېۋبېيە ئارىلىدىكى كولخىلاردىن. بالىلىق دەۋرىدە، تەبىئەت بىلىملىرىگە بولغان قىزىقىشنى يېتىشتۈرگەن، تىبابەتچىلىكنىمۇ ئۆگەنگەن. مىلادىدىن 267 يىل ئىلگىرى ئافىناغا بېرىپ، ئەپلاتون «بىلىم يۇرتى» غا كىرىپ، 20 يىل ئۆگىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، ئۇستاز ۋە دوستلىرىنىڭ ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئەپلاتون ۋاپات بولغان (مىلادىدىن 347 يىل بۇرۇن) دىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاتانېئۇ شەھىرىگە بېرىپ، شەھەر پادىشاھىنىڭ جىيەن قىزى پىتىيا (Pythias) بىلەن توي قىلىپ، مىتىلېنى (Mytilene) غا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان،مىلادىدىن 342 يىل ئىلگىرى تەكلىپكە بىنائەن ماكېدونىيىگە كېلىپ، شاھزادە ئالېكساندر (كېيىنكى ئىمپېراتور ئالېكساندر) غا ئوقۇتقۇچى بولغان. مىلادىدىن 335 يىل ئىلگىرى ئافىناغا قايتىپ كېلىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى لۇكېئون (ئەسلىدە تەنتەربىيە مەيدانى ئىدى) دا بىلىم يۇرتىنى ئېچىپ، شاگىرت تەربىيىلىگەن. دائىم باغ-بوستانلىق (يەنە بىر ئېيتىلىشتا ئايلانما كارىدور) دا ئايلىنىپ يۈرۈپ دەرس سۆزلىگەنلىكتىن ئۇنىڭ پەلسەپە ئېقىمىنى پېكىپاتېتىكس (Pecipatetics) ياكى ئەركىن ئىلمىي ئېقىمدىكىلەر دەپ ئاتالغان. ئالېكساندر (شەرققە يۈرۈش قىلىش داۋامىدا) ماددىي ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ماتېرىيال ۋە خىراجەت بىلەن تەمىنلىگەن، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلارنىڭ نۇسخىسىنى يىغىپ بەرگەن ۋە تەجرىبە ئورگانلىرىنى قۇرۇپ بەرگەن. مىلادىدىن 323 يىل ئىلگىرى ئالېكساندر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن يۇنانلىقلارنىڭ ماكېدونىيىگە قارشى ھەرىكىتى يەنە كۆتۈرۈلگەن، ئارىستوتېل ئافىنادا تۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ («خۇداغا تىل تەگكۈزۈش جىنايىتى» ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلىنىپ)، كولخىغا كۆچۈپ بېرىپ، ئىككىنچى يىلى كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. شاگىرتى تېئوپراستوس داۋاملىق ھالدا لۇكېئون بىلىم يۇرتىنى باشقۇرغان، ئارىستوتېل زېرەك، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان ئالىم بولۇپ، ھاياتىدا ئەپلاتوندىن خېلى كۆپ تەلىم ئالغان، لېكىن ئۇستازىنىڭ تەلىماتلىرى بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، بىرمۇنچە تەرەپلەردە ئۆزىگە خاس نەتىجىلەرنى ياراتقان. ئۇ پەلسەپە ئىدىيىسى جەھەتتە، ئەپلاتوننىڭ ئىدىيىچىلىكىنى ئىنكار قىلىپ، كونكرېت شەيئىدىن ئايرىلغان «ئىدىيە» ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس، بىلىم ئوبيېكتىپ دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىقلا مەيدانغا كېلىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان، ئۇ «ھەقىقەت ئۇستاز (ئەپلاتون) دىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دېگەن. يەنە ماددا ماتېرىيال بىلەن شەكىلدىن تۈزۈلىدۇ، ئالايلۇق، مەرمەر ھەيكەلنىڭ ماتېرىيالى مەرمەر، شەكلى تەڭرى ئاپوللو بولۇپ، ئىككىسى بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدۇ، دەپ ھېسابلىغان، لېكىن ماتېرىيالنى بېقىندى ئورۇنغا قويۇپ، شەكىل ماتېرىيالدىن مۇھىم، شەكىل ئاكتىپ بولىدۇ، ماتېرىيال پاسسىپ بولىدۇ، پەقەت شەكىللا ماتېرىيالنىڭ مۇمكىنلىكىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇ يەنە شەيئىلەرنىڭ ھەرىكىتى ۋە تەرەققىياتىنى «مەقسەتچىلىك ئېنتېلېكېيە تەلىماتى» ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، ئاخىر ئىككى مەنبەچىلىككە پېتىپ قالغان. ئۇنىڭ سىياسىي نۇقتىئىنەزەرى ئاساسىي جەھەتتىن مۆتىدىل دېموكراتلارغا مەنسۇپ بولغان؛ مۇرەسسە-ماداراچىلىق ئەخلاقىي قارىشىنى ئاساس قىلىپ، سىياسىي تۈزۈلمىدىكى چېكىدىن ئاشقان ھەرقانداق خاھىشنى ئىنكار قىلغان. «ئىنسان تۇغما سىياسىي (ياكى ئىجتىمائىي) ھايۋان»، ئۇ جەزمەن شەھەر دۆلىتى تۇرمۇشىنى كەچۈرۈشى كېرەك. («سىياسىي» دېگەن بۇ سۆز «شەھەر دۆلىتى» دىن كەلگەن)؛ پەقەت شەھەر دۆلىتىدىلا (ياخشى سىياسىي تۈزۈلمە شارائىتىدا)، ئىنسان تۇرمۇشى ياخشىلىنالايدۇ، دېگەنلەرنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە غايىۋى يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن لايىھە ئىشلەشكە ئۇرۇنۇپ كۆرگەن. ئۇنىڭ بىلىمى كەڭ بولۇپ، ئېنسكلوپېدىيىلىك ئالىم دەپ نام ئالغان. پەلسەپە، لوگىكا (فورمال لوگىكا)، زوئولوگىيە، ئاسترونومىيە، فىزىكا، ئېتېكا، پولىتىكا، ئەدەبىيات، ستىلىستىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىنقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يەكۈنلەپ ۋە قوبۇل قىلىپ، قەدىمكى زامان دۇنياسىدا ئۇلۇغ تەتقىقات سىستېمىسىنى ياراتقان. 100 خىلدەك ئەسىرى بولۇپ، بۇلاردىن بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەنلىرىدىن مۇھىملىرى «قورال ھەققىدە» (لوگىكا)، «زوئولوگىيە»، «ھايۋاناتلار ھەققىدە»، «پەيدا بولۇش ۋە يوقىلىش ھەققىدە»، «مېتېئورولوگىيە»، «تەبىئەت ھەققىدە»، «فىزىكا»، «مېتافىزىكا» (بىرىنچى پەلسەپە)، «ئېتىكا»، «پولىتىكا»، «شېئىرىيەتشۇناسلىق» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇنىڭ سىستېمىسىنىڭ بەزى تەرەپلىرى (ئالايلۇق، لوگىكا ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن بەزى پرىنسىپ ۋە ئىبارىلەر) كېيىنكىلەرگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان «ئارىستوتېل ئەسەرلىرى» روس (W.D.Ross) تۈزۈپ چىققان نۇسخا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئارىستوتېل ئەسەرلىرىنى رەتلەش، تۈزۈش ۋە ئىزاھلاش مەخسۇس تەتقىق قىلىنىدىغان پەنگە ئايلانغان. 

ئارىستوفان

  • ئارىستوفان[يەشمىسى:]Aristophanes، مىلادىدىن تەخمىنەن 446 - 385 يىل ئىلگىرى) قەدىمكى يۇناننىڭ كومېدىيە يازغۇچىسى. «كومېدىيىنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتالغان. ئافىنا پۇقراسى بولۇپ، كىداتىنائون (Cydathenaion) جامائەسىگە قاراشلىق بولغان. ئاتىسى فىلىپ (Philippus) نىڭ ئاگېنا ئارىلىدا يەر-مۈلكى بولغان. ئارىستوفان ياخشى تەربىيە كۆرگەن بولۇپ، ئەپلاتون بىلەن دوست ئىدى. ئۇ ئافىنا بىلەن سپارتا ئوتتۇرىسىدىكى پېلوپوننېس ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇپ، ئافېنادىكى ئۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنى ئەيىبلىگەن ھەمدە رادىكال كلېئوننىڭ ھۇجۇمىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان. كلېئون ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، ئۇنى پۇقرالىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلماقچى بولۇپ ئىشقا ئاشۇرالمىغان. ئەسەرلىرىدە سوكرات ۋە ئېۋرىپىد (تراگېدىيە يازغۇچىلىرى) لارنى تەنقىد قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ 44 كومېدىيە يازغان بولۇپ، «ئاخارنىيىلىكلەر»، «رىتسار»، «تىنچلىق»، «بۇلۇت»، «قۇشلار»، «پاقا»، «بايلىق تەڭرىسى» قاتارلىق 11 پارچىسى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان. ئافىنادىكى سەھنە ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. ئافىنانىڭ گۈللىنىشتىن زاۋالغا يۈز تۇتقىچە بولغان دەۋرىدە، ئۇ شەھەر دۆلەتلىرى تۈزۈمى شەكلىگە، پۇقرالار ئەخلاقىنىڭ چۈشكۈنلەشكەنلىكىگە قاتتىق نارازى بولغان. كومېدىيىلىرىدە ھەجۋىي ئۇسۇلنى قوللىنىپ جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ھەر خىل نامۇۋاپىق ھادىسىلەرنى پاش قىلىپ ۋە ئەيىبلەپ، بۇرۇنقى تراگېدىيە يازغۇچىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەجەللىك يېرىگە تەگكۈزگەن. مەسىلەن، «ئاخارنىيىلىكلەر»، «رىتسار»، «تىنچلىق»، «لىسسىتراتا» ۋە «ھەرە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە دېھقانلارنىڭ ئۇرۇشنى توختىتىپ يېزىغا قايتىشىغا تەشنا بولغان ئىدىيىسىنى ئىپادىلىگەن؛ يۇناندىكى ئىچكى ئۇرۇشقا ۋە سىياسەتۋازلارنىڭ خەلقنى ئەخمەق قىلغانلىقىغا نەپرەتلەنگەن. ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەسەرلىرى، مەسىلەن، «ئايال پۇقرالار كېڭىشى» ۋە «بايلىق تەڭرىسى» دە مال-مۈلۈكنىڭ تەكشى بولماسلىقىغا قارشى تۇرغان ھەمدە كەمبەغەللەر بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلغان. «ئىسسىتراتا» ۋە «ئايال پۇقرالار كېڭىشى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. ئارىستوفان «كۈچلۈك خاھىشچانلىققا ئىگە شائىر» (ئېنگېلسنىڭ سۆزى). ئۇنىڭ كومېدىيىلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدا ئەركىنلىك ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ساتىرالىرى قىزىقارلىق، تىلى پىششىق، گۈزەل بولۇپ، لىرىكىلىق شېئىرلاردەك ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. ئۇ كېيىنكى دەۋردىكى كومېدىيە يازغۇچىلىرىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرگىچە بولغان يۇنان جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشتە قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئارىستونىك قوزغىلىڭى

  • ئارىستونىك قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] مىلادىدىن 133 يىل ئىلگىرى پېرگا- مۇم پادىشاھلىقى (كىچىك ئاسىيا) دا قوزغالغان رىم ئىشغالىيەتچىلىرى ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى قوزغىلاڭ. ئارىستونى-ك(Aristonikos)پېرگامۇم خان جەمەتىدىن بولغان ئېئۇمېنېسⅡ(EumenesⅡ) بىلەن دېدەكنىڭ نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسى بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدا قۇللار ۋە نامراتلار ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن. مىلادىدىن 133 يىل ئىلگىرى پادىشاھ ئاتتالوس Ⅲ ۋەسىيەت قالدۇرۇپ، دۆلەت زېمىنىنى رىمغا تەقدىم قىلماقچى بولغاندا، ئارىستونىك قۇللار ۋە دېھقانلارنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. رىم ئىشغالىيەتچى قوشۇنىنى ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ قىلىپ، كەڭ زېمىننى كونترول قىلغان ۋە ئۆزىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، «قۇياش دۆلىتى»(Heliopohs)نى قۇرۇپ چىققان. ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، دوستانىلىق دېگەنلەرنى شوئار قىلىپ، ئىتائەت قىلغۇچىلار بارغانسېرى كۆپەيگەن. دەسلەپتە رىم ھۆكۈمرانلىرى سىتسىلىيە قۇللار قوزغىلىڭىغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن بولۇپ كەتكەنلىكتىن، شەرق بىلەن ھەپىلىشىشكە چولىسى تەگمىگەن. مىلادىدىن 131 يىل ئىلگىرى، رىم سېناتى كونسۇل كراسنى باستۇرۇشقا ئەۋەتكەن؛ كراس مەغلۇپ بولغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئارقا-ئارقىدىن بىرنەچچە شەھەرنى ئىگىلەپ، تازا روناق تاپقان. رىم يەنە پېرپېرنا (M.perperna) نى زور قوشۇن باشلاپ قوزغىلاڭچىلارنى مۇھاسىرىگە ئېلىشقا ئەۋەتكەن. مىلادىدىن 130 يىل ئىلگىرى ئارىستونىك ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، ئەسىرگە چۈشكەن، كېيىن رىمغا يالاپ كېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن (تەخمىنەن مىلادىدىن 128 يىل ئىلگىرى)، پېرگامۇم رىم زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن.

ئارىستىپپوس

  • ئارىستىپپوس[يەشمىسى:]Aristippos ياكى Aristippus، تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇن 435 — 360) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى، كىرېنا ئىلمىي ئېقىمى (Cyrenais school، يەنە بىر تەرجىمىسى «پىكىر قىلىشتىن خۇشاللىنىش ئېقىمى») غا ئاساس سالغۇچى. كىرېنا (شىمالىي ئافرىقا) دا تۇغۇلغان. سوكراتنىڭ نامىغا ھەۋەس قىلىپ، ئافىناغا كېلىپ ئۇنى ئۇستاز تۇتقان. پروتاگوراسنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرىغان. كېيىن جايلاردا دەرس ئۆتۈپ، ئېگىنا (Aegina) ۋە سىراكۇ ئوردىسى قاتارلىق جايلارغا بارغان؛ ئاخىر يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئىلمىي ئېقىم تەشكىللىگەن. شەيئىلەر ئوبيېكتىپ مەۋجۇت، كىشىلەرنىڭ تۇيغۇسى سۇبيېكتىپ بولىدۇ، شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى بىلەلمەيدۇ، دەپ ھېسابلىغان. خۇشاللىق— كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى، لېكىن ھېچنېمىگە قارىماستىن را-ھەتپاراغەت قوغلىشىشقىمۇ بولمايدۇ، بۇ مەق-سەتكە ئاقىلانىلىق ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن يېتىش كېرەك، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. «خۇشاللىق تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنماستىن، خۇشاللىق ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش كېرەك» دېگەننى تەكىتلىگەن ھەمدە بىلىم ۋە ئەقىل-پاراسىتى بولغان كىشىلا خۇشاللىق ئۈستىدە ھەقىقىي گەپ ئاچالايدۇ، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ تەلىماتى سوكراتنىڭ نۇقتىئىنەزەرى (خۇشاللىقنى ئەخلاق دەپ بىلىش) گە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بۇ تەلىماتنى ئىزاھلىشىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشاپ كەتمەيدۇ. ئانتىپات (Antipater)، ئاننىكېر (Anniceris)، ھېگېسىيە (Hegesias) قاتارلىقلار بۇ ئېقىمغا ۋارىسلىق قىلغان. قىزى ئارېتې (Arete) مۇ دادا كەسپىنى داۋاملاشتۇرغان.

ئارىستىد

  • ئارىستىد[يەشمىسى:]Aristides ياكى Aristeides، مىلادىدىن تەخمىنەن 530 — 468 يىل ئىلگىرى) قەدىمكى ئافىنا سىياسىئونى ۋە سەركەردىسى. ئاقسۆڭەكلىكتىن كېلىپ چىققان. لىسماكنىڭ ئوغلى. مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى پېرسىيىگە قارشى مارافون جېڭىگە قاتنىشىپ، بىر قوشۇنغا قوماندانلىق قىلغان؛ ئىككىنچى يىلى كونسۇل (ئارخون) لىققا سايلانغان. تىمىستوكل بىلەن سىياسىي قارىشى ماس كەلمىگەچكە (ئېيتىشلارغا قارىغاندا كېمە ياساپ دېڭىز ئارمىيىسىنى كېڭەيتىشكە قارشى تۇرغان) سۈرگۈن قىلىنغان (مىلادىدىن 483 يىل ئىلگىرى)، كېيىن مۇددەتتىن بۇرۇن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، سالامى دېڭىز ئۇرۇشى (مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى) غا قاتناشقان. ئىككىنچى يىلى ئافىنا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، پلاتې (ئوتتۇرا يۇنان) جېڭىدە پېرسىيىنى مەغلۇپ قىلغان. سىمون بىلەن بىرلىكتە ئېگېي دېڭىزىدا ۋە كىچىك ئاسىيا بويلىرىدا جەڭ قىلىپ، ئافىنانىڭ دېڭىزدىكى تەسىرىنى كېڭەيتكەن. مىلادىدىن (478 ياكى 477 يىل) ئىلگىرى دېلوس ئىتتىپاقى (بىرىنچى قېتىملىق ئافىنا دېڭىز ئىتتىپاقى) تەشكىللەشنى تەشەببۇس قىلغان، ھەر يىلى ئىتتىپاقنىڭ خەزىنىسىگە تەقدىم قىلىنغان ئالتۇن 460 تالانتونغا يېتىپ، «دىيانەتلىك» باشقۇرغۇچى دېگەن شۆھرەتكە ئىگە بولغان. ئافىنا دېموكراتلىرىنىڭ سېناتنىڭ ھوقۇق-كۈچىنى ئاجىزلىتىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئىشقا ئاشۇرالمىغان. ئۆلگەن چاغدىمۇ ھېچنېمىسى يوق بولۇپ، «پاك ئادەم» («Just») دەپ ئاتالغان.

ئارىسېنجⅣ

  • ئارىسېنجⅣ[يەشمىسى:]Arsenije Ⅳ، 1698 — 1748) سېربىيە ئاقساقىلى (7371 - 5271). كارلوۋىسنىڭ باش ئېپىسكوپى. ئۇ ئاۋسترىيىدە روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان مەزگىلىدە ھاپىسبۇرگ خاندانلىقى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، جەنۇبىي سېربىيىدە تۈركىيىگە قارشى قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇرغان، بۇ قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. ئاۋسترىيە ئارمىيىسى سېربىيىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن ئاۋسترىيە زېمىنىدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1741-يىلدىن باشلاپ كارلوۋىسنىڭ باش ئېپىسكوپى بولۇپ، سېربىيىلىكلەرنىڭ پراۋوسلاۋىيە چېركاۋىنى باشقۇرغان. 

ئارىلاشماسلىق سىياسىتى

  • ئارىلاشماسلىق سىياسىتى[يەشمىسى:]ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا ئىمپېرىيالىستلىرىنىڭ «ئارىلاشماسلىق» ياكى «بىتەرەپلىك» نى دەستەك قىلىۋېلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىپ، فاشىستىك دۆلەتلەرنىڭ كېڭەيمىچىلىك تاجاۋۇزچىلىقىغا يول قويۇپ، ئوتتۇرىدىن پايدا ئېلىش سىياسىتى. 1936-يىلى گېرمانىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرى ئىسپانىيىگە قوراللىق ئارىلىشىپ، ياۋروپانىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت سالغان. لېكىن ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىقلار «دۇنيا خاراكتېرلىك توقۇنۇشتىن ساقلىنىش» نى باھانە قىلىپ، ئىسپانىيىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق سىياسىتى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ يول قويۇشى بىلەن ياپونىيە، ئىتالىيە ۋە گېرمانىيە فاشىستلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگونىڭ يېرىمىنى، پۈتۈن ئېفىئوپىيە، ئاۋسترىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيىنى بېسىۋالغان. ئارىلاشماسلىق سىياسىتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىنى تېزلەتكەن. 

ئارىئوستو

  • ئارىئوستو[يەشمىسى:]Lodovico Ariosto، 1474 — 1533)ئىتالىيىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى شائىرى. فېررارا (Ferrara) كىنەزلىكىدىكى رېگگىئو (Reggio) شەھىرىدە تۇغۇلغان. ياخشى تەربىيە كۆرگەن. ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسىدا فېررارا گېرتسوگى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، بۇيرۇق بويىچە رىم ۋە ئىتالىيىنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە ئەلچىلىككە بارغان. ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى داستانى «غالجىرلاشقان ئورلاندو»، 46 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، رىتسار ئورلاندونىڭ مەشۇقىنى ئىزلەپ، ئالەمنىڭ ئۇ چېتىگە بارغانلىقى، كېيىن مەشۇقىنىڭ باشقا يېڭى يار تېپىۋالغانلىقىنى بىلىپ ساراڭ بولۇپ قالغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇ يەنە كومېدىيە ۋە ھەجۋىي ئەسەرلەرنىمۇ يازغان. 

ئارىئول

  • ئارىئول[يەشمىسى:]Vincent Auriol، 1884 — 1966) فرانسىيە زۇڭتۇڭى (4591 - 7491). سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن. تۇلۇزا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1914-يىلدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1919 - 1939-يىللىرى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرى ئۆمىكىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1936-1937-يىللىرى مالىيە مىنىستىرى بولغان. 1937 - 1938-يىللىرى ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، 1940-يىلى 7-ئايدا ھاكىمىيەتنى ئانرى پېتەنگە بېرىشكە قارشى تۇرغان، كېيىن ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1943-يىلى «جەڭگىۋار فرانسىيە» ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1945 - 1946-يىللىرى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتە بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى بولغان. ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنىڭ باشلىقى (6491 - 5491) ۋە مىللىي پارلامېنتنىڭ باشلىقى (7491 - 6491) بولغان. زۇڭتۇڭ بولغان ۋاقتىدا، 1949-يىلى «ئارىئول-باۋداي كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان. ئىچكى جەھەتتە مۆتىدىل ۋە ئوتتۇرا لۇشيەن سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلغان. «تۈنۈگۈن ۋە ئەتە»، «يەتتە يىللىق خاتىرە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

ئارىئۇسچىلار

  • ئارىئۇسچىلار[يەشمىسى:]دەسلەپكى خرىستىئان دىنىدىكى «بىدئەت» چىلەر. ئارىئۇس (Arius، تەخمىنەن مىلادى 250 - 336) شىمالىي ئافرىقىدىكى لىۋىيىلىك بولۇپ، ئانتىئوكىيىدىكى تېنولوگ ل-وكىئان(Loukianos)دىن بىلىم ئالغان. لىۋىيە دىنىي رايوننىڭ ئېپىسكوپى بولغان. خرىستىئان دىنىي ئەقىدىلىرىنى ئىزاھلىغاندا، قىددىس ئەيسا تەڭرى ئوغلى بولغانىكەن، ئۇ تەڭرى تەرىپىدىن يارىتىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەڭرىدىن تۆۋەن تۇرۇشى كېرەك، ئۇ ئىلاھلىق تەبىئىتىدىن باشقا يەنە ئىنسانلىق تەبىئىتىگىمۇ ئىگە بولىدۇ، دېگەنلەرنى تەشەببۇس قىلغان. مىلادى 325-يىلى كونستانتىن Ⅰ چاقىرغان نىسىيە يىغىنىدا ئارىئۇسچىلار «ئەيسا بىلەن تەڭرى بىرگەۋدە» دېگەن ئەنئەنىۋى ئەقىدىنى قەتئىي قوبۇل قىلمىغان. شۇڭا «بىدئەتلەر» دەپ قارىلىپ ئەيىبلەنگەن ھەمدە سۈرگۈن قىلىنغان. بۇ مەزھەپتىكىلەر يەنە دىنىي جەمئىيەتنىڭ كۆپلىگەن يەر ۋە بايلىق ئىگىلىشىگە قارشى تۇرغاچقا، تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولغان. بۇلارنىڭ ئېتىقادى ۋە تەشەببۇسى رىم ئىمپېرىيىسى تېررىتورىيىسىدىلا تەسىرگە ئىگە بولۇپ قالماي، كەڭ «ۋارۋار» لار رايونىدىمۇ خېلى تەسىرگە ئىگە بولغان. 

ئارىيابخاتا

  • ئارىيابخاتا[يەشمىسى:]Aryabhatta، مىلادى 055 - 674) ھىندىستان گۇپتا خاندانلىقى دەۋرىدىكى ئاسترونوم ۋە ماتېماتىك. ئېھتىمال پاتالىپۇترا شەھىرىدىن بولۇشى مۇمكىن. يەر شارى شار شەكىلدە، ئۇ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ دېگەن تەشەببۇسنى ھىندىستاندا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ئاسترونوم. ئۇ يەنە يەر شارىنىڭ سايىسى ئاي شارىنى توسۇۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاي تۇتۇلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. ماتېماتىكا جەھەتتە، يىلتىز چىقىرىش، دەرىجىگە كۆتۈرۈش، مەيدان ۋە ھەجىم، قاتار ۋە ئالگېبرالىق تەپمۇ تەڭلىك شۇنىڭدەك بىرىنچى دەرىجىلىك ئېنىقسىز تەڭلىمە قاتارلىق قائىدىلەرنى ئىسپاتلىغان. π نىڭ قىممىتى 1416.3 بولىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەپ، چەمبەر تۇراقلىقىنىڭ قىممىتىنى ئىنتايىن توغرا ھېسابلاپ چىققان. 

ئارىيانلار جەمئىيىتى

  • ئارىيانلار جەمئىيىتى[يەشمىسى:]يەنى «مۇقەددەس جەمئىيەت».

ئارياستانگىكا مارگا

  • ئارياستانگىكا مارگا[يەشمىسى:]سانسىكرىتچە يېزىقتا ئارىياستانگىكا مارگا (Aryastangikamarga) دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. بۇددا دىنىدا نىرۋانالىق دەرىجىسىگە يېتىشتىكى ئىستىقامەت ئۇسۇلى. ئادەتتە (1) توغرا كۆز قاراشنى، يەنى نۇرغۇن قالايمىقان خىياللاردىن خالى بولۇپ، «تۆت ئەقىدە» نى ھەقىقەت دەپ بىلىش؛ (2) توغرا پىكىر قىلىش، يەنى «تۆت ئەقىدە» ھەقىقىتى ئۈستىدە پىكىر قىلىش؛ (3) توغرا سۆز قىلىش، ھەرقانداق ئاساسسىز، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىق؛ (4) توغرا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش، يەنى جىسمانىي ۋە ئېغىز، نىيەت جەھەتتە پاك بولۇش، قاتىللىق، ئوغرىلىق، شەھۋانىيلىق، قالايمىقان خىيال قىلىش، ھاراق ئىچىشتىن ئىبارەت بەش ئىشتىن پەرھىز قىلىش؛ (5) توغرا ياشاش، يەنى ئەقىلغا مۇۋاپىق قانۇنىي تۇرمۇش كەچۈرۈش؛ (6) توغرا ھەم پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش، يەنى نىرۋانالىق ئىستىقامەت ئۇسۇلىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش، باتۇرانە روھ بىلەن توختىماي ئىلگىرىلەش؛ (7) توغرا نىيەتتە بولۇش، يەنى يامان غەرەزدە بولماسلىق، توغرا يولنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماسلىق؛ (8) توغرا ئورۇندا تۇرۇش، يەنى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر نىيەت بىلەن ئېتىكاپتا مىختەك ئولتۇرماق. ئارياستانگىكا مارگا بىلەن تۆت ئەقىدىنىڭ ھەر ئىككىسى بۇددا دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرىگە كىرىدۇ. 

ئازادلىق قارىشىدىكىلەر

  • ئازادلىق قارىشىدىكىلەر[يەشمىسى:]Emancipists)، (1) ئەسلىدە ئاۋسترالىيە تارىخىدىكى سۈرگۈن قىلىنغان گۇناھكارلاردىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنى كۆرسىتەتتى. (2) ئاۋسترالىيە قىتئەسىنىڭ مۇستەملىكە رايونلىرىدا 1820 - 1840-يىللاردا يۈز بەرگەن ئاپتونومىيە ھەرىكىتىدىكى رادىكاللار. ئۇلار ئۆزلىرىنى «ۋىگ» پارتىيىسىدىكىلەر دەپ ئاتىغان، ۋېنتىۋورت باشچىلىق قىلغان. سۈرگۈندىن قويۇپ بېرىلگەنلەر بىلەن ئەركىن كۆچمەنلەر ئارىسىدىكى ھاڭنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىيغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى، خەلق سايلىغان قانۇن تۈزۈش كېڭىشى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى چەتكە قاققۇچىلار بىلەن قارىمۇ قارشى بولسىمۇ، ئەمما گۇناھكارلارنى سۈرگۈن قىلىش تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىشتا بىردەك بولغان. 

ئازابلىنىش بايرىمى

  • ئازابلىنىش بايرىمى[يەشمىسى:]خرىستىئان دىنىدا «ئەيسانىڭ ئازاب چېكىشى» نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان بايرام. «ئىنجىل» دا خاتىرىلىنىشىچە، قىددىس ئەيسا يەھۇدىي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن رىمنىڭ يەھۇدىيلار رايونىدا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى پىلاتۇ (Pontius Pilatus) نىڭ بۇيرۇقى بىلەن كرېستقا مىخلاپ ئۆلتۈرۈلگەن؛ خرىستىئانلار بۇنى ئەيسانىڭ ئازاب چېكىشى دەپ ئاتىغان. «ئىنجىل» دا ۋاقتى ئېنىق يېزىلمىغان. كېيىن خرىستىئانلار ئەيسانىڭ ئازاب چەككەن كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ «ئارام ئېلىش كۈنى» («خۇدا» نىڭ ئالتە كۈندە دۇنيانى يارىتىپ ئارام ئالغان يەتتىنچى كۈنى شەنبە كۈنى دەپ بېكىتىلگەن) نىڭ ئالدىنقى كۈنى يەنى جۈمە كۈنى دەپ جاكارلىغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خرىستىئان دىنى ھەر يىلى پاسخا بايرىمىنىڭ ئالدىدىكى جۈمە كۈنىنى ئازاب چېكىش بايرىمى قىلىپ بەلگىلىگەن. 

ئازتېك ئىمپېرىيىسى

  • ئازتېك ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:]ⅩⅤ ئەسىردىن ⅩⅥ ئەسىرگىچە مېكسىكىدىكى ئازتېك (Aztec) لار قۇرغان ئىمپېرىيە. ئازتېكلار ناخۇئا (Nahua) لارنىڭ بىر تارمىقى. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شىمالدىن مېكسىكا ئويمانلىقىغا كەلگەن. 1325-يىلى تېنوچىتىتلان (Tenochititlan) شەھىرى (ھازىرقى مېكسىكا شەھىرى) نى قۇرۇپ پائالىيەت مەركىزى قىلغان. كېيىن قورال كۈچى بىلەن ئەتراپتىكى قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇپ، قەبىلە ئىتتىپاقى قۇرۇپ، شۇ چاغدىكى شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ كۈچلۈك «ئىمپېرىيە» گە ئايلانغان. ئۇ جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئىنكا ئىمپېرىيىسى بىلەن قوشۇلۇپ يېڭى قۇرۇقلۇقتىكى ئىككى چوڭ «ئىمپېرىيە» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ تەسىر كۈچى مېكسىكا قولتۇقى ۋە تىنچ ئوكيان بويلىرىغىچە كېڭەيگەن. ئۇلار مىللەتنى ئاساس قىلغان ئىجتىمائىي تەشكىلنى داۋاملاشتۇرۇپ، جامائەت يەر مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويغان. يېزا ئىگىلىك، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىرقەدەر راۋاجلانغان بولۇپ، ناھايىتى زور سۇغىرىش سىستېمىسى بولغان. رەسساملىق، ساپالچىلىق خېلى نەپسلەشكەن. بىناكارلىق ۋە سەنئەت خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. مۇستەملىكىچىلەر كېلىشتىن ئىلگىرى ئىمپېرىيە كۈنسايى-ن زاۋاللىققا يۈزلەن-گەن. 1519 - 1521-يىللىرى ئىسپانىيە مۇستەملى- كىچىلىرى تەرىپىدىن گۇمران قىلىنغان.

ئاز سانلىقلار ھەرىكىتى

  • ئاز سانلىقلار ھەرىكىتى[يەشمىسى:]ئەنگلىيە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىدا ئوڭ قانات رەھبەرلىك قاتلىمىغا قارشى تۇرغان گۇرۇھۋازلىق تەشكىلاتى.1924-يىلى لوندوندا قۇرۇلغان. كان ئىشچىلىرى ئارىسىدا خېلى زور تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان. 1926-يىلى لوندوندا قۇرۇلتاي چاقىرغاندا بىر مىليون ئەزايىمىز بار دەپ جاكارلىغان.بۇ تەشكىلات كومپارتىيىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولۇپ، قىزىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئىنتېرناتسىئونالىغا قاتناشقان. 1926-يىلىدىكى چوڭ ئىش تاشلاشتا زور رول ئوينىغان. 30-يىللارنىڭ باشلىرىدا پائالىيىتىنى توختاتقان.

ئازورىن

  • ئازورىن[يەشمىسى:]يەنى «مارتېس رۇئىس».

ئازۇچى-موموياما دەۋرى

  • ئازۇچى-موموياما دەۋرى[يەشمىسى:] ياپونىيىدە توبۇماگا، تويوتومى خدېيوشى ھوقۇق تۇتقان دەۋر. موروماچى شوگناتى ئاغدۇرۇلغان (1573) دىن تارتىپ توكۇگاۋائىيا سۇياتلارغا قارشى جازا يۈرۈش قىلغۇچى باش سىياگۇنلۇق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغانغا قەدەر (1603) جەمئىي 31 يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. توبۇماگانىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى چىكائى (ھازىرقى شىگا ناھىيىسى) نىڭ ئازۇچى شەھىرىدە بولغانلىقى، تويوتومى خدېيوشىنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى كىتونىڭ موموياما (فۇشىمى) شەھىرىدە بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ھەر ئىككىسى فېئودال خوجىدار بولۇپ، ھوقۇق تۇتقان مەزگىللەردە شوگنات قۇرماي، كۆرۈنۈشتە پادىشاھنى ھۈرمەت قىلغاندەك تۇرسىمۇ ئەمەلىيەتتە سامورايلار ھاكىمىيىتى ئىدى. توبۇماگا زومىگەرلىك تالىشىش كۈرىشى جەريانىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. تويوتومى بۇ ئاساستا پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. تويوتومى يەرلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، قورال-ياراقلارنى تەكشۈرۈش، سودا-سانائەتنى رىغبەتلەندۈرۈشنى يولغا قويۇپ، قورۇق تۈزۈمىنىڭ يىمىرىلىشىنى، پۇل ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى، شەھەرلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق ۋاقتى گەرچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ، لېكىن ياپونىيە فېئوداللىق جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن.

ئازىل مەدەنىيىتى

  • ئازىل مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]ياۋروپا ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە ئائىت مەدەنىيەت. ئەڭ دەسلەپتە فرانسىيىدىكى تۇلۇزا(Toulouse) نىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 60 كىلومېتر كېلىدىغان ئازىل (Azil)ئۆڭكۈرىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئاساسەن فرانسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي ۋە ئىسپانىيىگە تارقالغان. 1887 — 1889-يىللىرى تەكشۈرۈلگەندە، ئازىل مەدەنىيىتىنىڭ ماگادالېن مەدەنىيەت قاتلىمىنىڭ ئۈستىنى بېسىپ تۇرغانلىقى بايقالغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم تېپىلغان ئوتتۇرا تاش قورال مەدەنىيىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىككى خىل مەدەنىيەتتىن قېپقالغان نەرسىلەر ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن ئازىل مەدەنىيىتىنىڭ تاش قوراللىرى بىرئاز كىچىك، قوپالراق ياسالغان سۆڭەك قوراللار ۋە قىزىل رەڭدە سىزىق سىزىلغان نۇرغۇن ئۇششاق تاشلارمۇ بار ھەمدە سىپتا تاش قوراللارمۇ بارلىققا كەلگەن.

ئازىنكۇر جېڭى

  • ئازىنكۇر جېڭى[يەشمىسى:]ئەنگلىيە-فرانسىيە يۈز يىللىق ئۇرۇشىدىكى مۇھىم جەڭ. 1415-يىل 10-ئاينىڭ 25- كۈنى فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئازىنكۇر(Azincourt) ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. 1415-يىلى 8-ئايدا، ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىخ Ⅴ فرانسىيە ئورلېئان گۇرۇھى بىلەن بورگۇند گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىچكى ماجىرادىن پايدىلىنىپ، تەخمىنەن ئالتە مىڭ كىشىلىك قوشۇن (بەش مىڭ ئوقياچى، ئېغىر ساۋۇت-قالقانلىق مىڭ پىيادە ئەسكەر)نى باشلاپ سېنا دەرياسى ئېغىزىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، نورماندىيىنى ئىشغال قىلىپ، ئارقىدىنلا كالېغا يۈرۈش قىلغان. ئورلېئان گېرتسوگى تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇن «ئېغىر ساۋۇت-قالقانلىق رىتسارلار ئاساس قىلىنغان» نى باشلاپ جەڭگە چىققان. ئىككى دۆلەتنىڭ قوشۇنى كالېنىڭ جەنۇبىغا 140 نەچچە كىلومېتر كېلىدىغان جايدىكى ئازېنكۇر ئەتراپىدا جەڭ قىلغان. فرانسىيە مەغلۇپ بولۇپ، تەخمىنەن ئالتە مىڭ ئادىمى ئۆلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيە ئارمىيىسى جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ پارىژ ۋە لوئېر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايونلارنى ئىشغال قىلغان.

ئاس

  • ئاس[يەشمىسى:]as) قەدىمكى رىمنىڭ پۇل ۋە ئېغىرلىق بىرلىكى. مىس پۇل. ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردە ياسالغان بولۇپ، ئېغىرلىقى 45.327 گرامغا توغرا كېلىدۇ. مىلادىدىن 268 يىل ئىلگىرى كۈمۈش پۇل قۇيۇلۇشتىن بۇرۇن رىمدىكى بىردىنبىر پۇل بولۇپ، ئاساسەن مەملىكەت ئىچىدىكى سودا-سېتىقتا ئىشلىتىلگەن. كۈمۈش پۇل دېنارىئو ۋە سىستېرىت مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، مىس پۇل پارچە پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەن.

ئاساجۇدا جىرو

  • ئاساجۇدا جىرو[يەشمىسى:]1898 —1960) ياپونىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى. توكيو مىياكىجىمالىق. ۋاسېدا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1925-يىلىدىن باشلاپ دېھقان ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ شۇجىسى، ياپونىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ تەشكىلات بۇجاڭى، سوتسىيال خەلق پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان. 1936-يىلدىن باشلاپ ئارقىمۇئارقا توققۇز قېتىم ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن ياپونىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، تەشكىلات بۇجاڭىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، 1948-يىلى شۇجىلىققا سايلانغان. 1951-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن ئوڭ قانات سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1955-يىلى ئوڭ قانات سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن سول قانات سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قوشۇلغاندا يەنە شۇجى بولغان. 1960-يىلى ۋېييۈەنجاڭلىققا سايلانغان. 1957-يىلى ۋە 1959-يىلى ئىككى قېتىم سوتسىيال پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، ئاكتىپ ھالدا ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، ياپونىيە-جۇڭگو دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. 1960-يىل 10-ئاينىڭ 12-كۈنى توكيو رىبىگو باغچىسىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ئوڭ قانات ياش ياماگوچى نىكو تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى

  • ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى[يەشمىسى:] ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى مىللىي پارلامېنت دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قانۇن چىقىرىش ئورگىنى. 1789-يىل 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ۋېرسالدا قۇرۇلۇپ، 10-ئاينىڭ باشلىرىدا پارىژ سېرك تىياتىرخانىسىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. ئەزالىرى مۇرەككەپ بولۇپ، ئاقسۆڭەك تەرەپدارلىرى (يەنى ئىمتىيازلىقلار)، مۆتىدىللەر (يەنى مۇنارخىستلار) ۋە خەلق تەرەپدارلىرى (يەنى ۋەتەنپەرۋەرلەر) دىن تەشكىل تاپقان. ئاساسلىق ئەزالىرى مىرابو، لافايېت باشچىلىقىدىكى ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈم تەرەپدارلىرى. دەسلەپتە ئاساسىي ۋەزىپىسى ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىش بولغان. ئىنقىلاب داۋامىدا «ئاۋغۇست پەرمانى»، «كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى»، «دىنىي جەمئىيەتنىڭ مال-مۈلكىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش پەرمانى»، «يېڭى مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش توغرىسىدىكى پەرمان»، «فېئوداللىق مەجبۇرىيەتلەرنى سېتىۋېلىش ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يەرلەرنى سېتىۋېلىش قانۇنى»، «مىسسىئونېر پۇقرالارنىڭ تەشكىلىي قانۇنى»، «لې شاپېلېي قانۇنى» قاتارلىق بىر قاتار پەرمانلارنى ئېلان قىلغان. 1791يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاساسىي قانۇننى ماقۇللاپ، ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈمنى جاكارلىغان، 9-ئاينىڭ 30-كۈنى يېپىلىپ، قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىغا ئۇرۇن بوشىتىپ بەرگەن.

ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى

  • ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى[يەشمىسى:] ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى. 1787-يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى فىلادېلفىيە شەھىرىدە چاقىرىلغان بولۇپ، شتاتلار بىرلەشمىسى ھۆكۈمىتىنى ئىسلاھ قىلىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. ھەرقايسى شتاتلاردىن جەمئىي 55 ۋەكىل قاتناشقان، كەسكىن تالاش-تارتىش ئارقىلىق، 9-ئاينىڭ 17-كۈنى خامىلتون ۋە مادىسون قاتارلىق كىشىلەر تەييارلىغان قوشما شتات ئاساسىي قانۇنى ماقۇللانغان. 1788-يىلى 6-ئايدا كۈچكە ئىگە بولغان. ئاساسىي قانۇندا: شتاتلار بىرلەشمىسى ھۆكۈمىتى قوشما شتاتلار ھۆكۈمىتىگە ئۆزگەرتىلىپ، ھوقۇق مەركەزگە مۇجەسسەملەشتۈرۈلىدۇ؛ دۆلەت مەمۇرىي، قانۇن چىقىرىش ۋە ئەدلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئاساسىي قانۇن دېموكراتىيىنى شەكىل، قانۇننى ۋاسىتە قىلىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەن. بۇ ئاساسىي قانۇن بىرقانچە قېتىملىق تۈزىتىشلەر ئارقىلىق تا ھازىرغا قەدەر قوللىنىلماقتا.

ئاساسىي قانۇنلۇق خەلق پارتىيىسى

  • ئاساسىي قانۇنلۇق خەلق پارتىيىسى[يەشمىسى:] ياپونىيىدىكى يېقىنقى زامان بۇرژۇئا پارتىيىسى. 1927-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ تەكتى ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم ئۇيۇشمىسى — سىياسىي دوستلار ھەقىقەت پارتىيىسى ئىتتىپاقى (ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم ئۇيۇشمىسى بىلەن سىياسىي دوستلار ھەقىقەت پارتىيىسىدىن تەركىب تاپقان) بولۇپ، ھاماگۇچى ئوساچى رەئىس، ۋاكاتسۇكى رېئىجىرو قاتارلىقلار مەسلىھەتچى بولغان. مىت-سۇبىشى مالىيە گۇرۇھى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار. دەسلەپكى دەۋرلەردە سىياسىي دوستلار ئۇيۇشمىسىغا قارىغاندا بۇ پارتىيىدە سەل-پەل شەھەر بۇرژۇئازىيىسىنىڭ لىبېرالىزملىق خاراكتېرى بولغان.1929-يىلى تاناكاگىئىچى كابىنېتى تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، ھاماگۇچى ئوساچى كابىنېت تەشكىللىگەن.1931-يىلى ئۇ قەستلەپ يارىدار قىلىنغاندىن كېيىن 4-ئايدا ۋاكات-سۇكى رېئىجرو كابىنېت تەشكىللىگەن. 1935-يىلى ماچىدا تاداھارۇ (1863 — 1946) رەئىس بولغان. سىياسىي دوستلار ئۇيۇشمىسى بىلەن زىددىيىتى ناھايىتى چوڭقۇر بولغان. 1940-يىلى 8-ئايدا بۇ پارتىيە تارقىتىۋېتىلىپ، كونوئې فومىمارونىڭ «يېڭى تۈزۈلمە ھەرىكىتى» گە قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن قۇرۇلغان ياپونىيە تەرەققىيات پارتىيىسى مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئەسلىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنى ئاساس قىلغان.

ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي دوستلار ئۇيۇشمىسى

  • ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي دوستلار ئۇيۇشمىسى[يەشمىسى:] ياپونىيىدىكى يېقىنقى زامان بۇرژۇئا پارتىيىسى. 1900-يىلى 9-ئايدا ئىتوھىروبۇمى، سايئونجى كىنتىسۇنې، ئوزاكى يۇكىئو (1859—1954)، ھوشى تورۇ (1850 — 1901) قاتارلىق كىشىلەر قۇرغان بولۇپ، ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم پارتىيىسى، ئىمپېرىيە پارتىيىسى، نىچىيوشا كۇلۇبى، يولداشلار كۇلۇبى، ئاساسىي قانۇنلۇق ھەقىقەت پارتىيىسى قاتارلىق پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ بىر بۆلەك پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان. ئىتوھىروبۇمى پارتىيىنىڭ رەئىسى بولۇپ، 4-نۆۋەتلىك ئىتو ئىچكى كابىنېتى (1900 — 1901) ۋاقتىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولغان. مىتىسۇئى مالىيە ماگىناتى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇقراق بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ياسۇدا، شىبۇساۋا، ئوكۇرا قاتارلىق مالىيە زومىگەرلىرىنىڭ، يېتەكچىلىك سودا-سانائەتچىلىرى ۋە پومېشچىكلارنىڭ قوللىشىغىمۇ ئېرىشكەن. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ سايىئونجى كىنتىسۇنې ئىچكى كابىنېتى(1906 —1911)، ھاراتاكاشىئىچكىكابىنېتى(8191 - 1291)، تاكاھاشى كورېكيو ئىچكى كابىنېتى(1921 — 1922)، تاناكاگىئىچى ئىچكى كابىنېتى(1927— 1929)، ئىنۇكائى تىسۇيۇشى ئىچكى كابىنېتى (1931 — 1932) قۇرغان. 1932-يىلى ئىنۇكائى تىسۇيۇشى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، سۇزۇكى كىسا بۇرۇ (1867 — 1940) ئۇنىڭ ئورنىغا رەئىس بولغاندىن كېيىن ئىچكى ماجىراسى كەسكىنلىشىپ كەتكەن. 1939-يىلى كۇھارا فۇسانوسۇكې گۇرۇھى ۋە ناكاجىما چىكۇھېي گۇرۇھىغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1940-يىلى بۇ ئىككى گۇرۇھ ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن كونوئې فۇمىمارونىڭ «يېڭى تۈزۈلمە ھەرىكىتى» گە قاتناشقان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان ياپونىيە لىبېرالىستلار پارتىيىسى مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئەسلىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنى ئاساس قىلغان. 

ئاساسىي قانۇنلۇق يېڭىلىق پارتىيىسى

  • ئاساسىي قانۇنلۇق يېڭىلىق پارتىيىسى[يەشمىسى:] ياپونىيىدىكى ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى دەۋرىدىكى بۇرژۇئا پارتىيىسى. 1882-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان. پارتىيىنىڭ لېدىرى ئوكاماشىگېنوبۇ، مۇئاۋىن لېدىرى كونوتوگاما (1844 — 1895). مىت-سۇبىشى قاتارلىق چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ ۋە يەرلىك شەھەر بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان؛ ئەنگلىيىچە پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاستا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىسلاھاتچىلىقنى تەكىتلىگەن. خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئوكاما، كونو قاتارلىق كىشىلەر پارتىيە قۇرۇلۇپ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن پارتىيىدىن ئايرىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ پارتىيە دۆلەت ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى جېنىنىڭ بارىچە كۆككە كۆتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ جۇڭگو ۋە چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىشىنى قوللىغان. 1896-يىلى 3-ئايدا ئاساسىي قانۇنلۇق ئىسلاھات پارتىيىسى قاتارلىق پارتىيە-گۇرۇھلار بىلەن بىرلىشىپ تەرەققىيات پارتىيىسىنى قۇرغان.

ئاساسىي قانۇننى قوغداش ھەرىكىتى

  • ئاساسىي قانۇننى قوغداش ھەرىكىتى[يەشمىسى:] 1849-يىلى گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى خەلقنىڭ ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى قوغداپ ۋە ئۇنى يولغا قويۇپ، گېرمانىيىنىڭ بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان قوراللىق كۈرىشى. گېرمانىيە ھەرقايسى شتاتلىرى پادىشاھلىرىنىڭ فرانكفۇرت مىللىي پارلامېنتى ماقۇللىغان «ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنى» نى رەت قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن 1849-يىل 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ساكسۇنىيىنىڭ پايتەختى درېزدېن خەلقى ئاۋۋال قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، قوزغىلاڭ پۈتكۈل رېين رايونى، باۋارىيە، بادېن، پفالست قاتارلىق جايلارنى قاپلاپ كەتكەن. ئىشچىلارنى يادرو قىلغان پىدائىيلار جۈنتۇەنى قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئاساسىي كۈچى بولغان. بىراق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە قولىغا ئېلىۋالغان. ئېنگېلس ۋە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى جەڭگە بىۋاسىتە قاتناشقان. قوزغىلاڭچىلار نۇرغۇن رايونلاردا فېئودال بەگ-غوجىلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرغان. 6-ئايدا پرۇسسىيە ھۆكۈمىتى 60 مىڭ كىشىلىك قوشۇن چىقىرىپ، جايلاردىكى ھەرىكەتنى باستۇرغان. ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنىڭ قورقۇنچاقلىقى ۋە بىقارارلىقى ھەمدە قوزغىلاڭدا پۇختا پىلان ۋە بىرلىككە كەلگەن ھەرىكەتنىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلىدىن 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جايلاردىكى قوزغىلاڭلار ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولغان. 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئەڭ ئاخىرقى ئىنقىلاب بازىسى بولغان راستاتىت قورۇلى قولدىن كېتىپ، ھەرىكەت ئاخىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. 

ئاساسىي ماددا

  • ئاساسىي ماددا[يەشمىسى:] 1871-يىلى چېخ بۇرژۇئا ئۆكتىچىلىرى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ھابىسبۇرگ سۇلالىسى بىلەن تۈزگەن مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ماددىسى. ئۇنىڭدا ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە-سلاۋيان ئىمپېرىيىسىگە ئۆزگەرتىش؛ چېخ قانۇن تۈزۈش يىغىنى ئورنىتىش؛ چېخ ھۆكۈمىتى تەشكىل قىلىش؛ پۈتكۈل ئىمپېرىيىگە ئالاقىدار بولغان ئىشلاردىن باشقا ئىشلارنى چېخلار ئۆزى ھەل قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان. لېكىن ئۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان. 

ئاسانتېۋا قوزغىلىڭى

  • ئاسانتېۋا قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]ئاسانتېلارنىڭ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭغا ئېدۋې-سو (Edweso ياكى Ejisu) بەگلىكىنىڭ شاھ سانىيىسى ئاسانتېۋا (Yaa Asantewa ؟ — 1921) رەھبەرلىك قىلغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1896-يىلى ئەنگلىيە ئاسانتېنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئاسانتېلارنى مىللىي ئىرادە ۋە ئالىي نوپۇزنىڭ سىمۋولى بولغان ئالتۇن تەختىنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ،1900- يىلى 4-ئايدا باشلانغان ئەنگلىيىگە قارشى چوڭ قوزغىلاڭنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يەرلىك بەگلىكلەردىن ئېدۋېسو، ئوفىنسۇ(Ofinsu)، ئاتۋۇما (Atwuma)، ئاخافا (Ahafa)، ئادانسى ( Adansi)، نكۋانتا (Nkwanta)قاتارلىقلار قوزغىلاڭغا قاتناشقان. قوزغىلاڭچىلار كۇماسنى قورشىۋالغان.6-ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ دېڭىز قىرغىقى تۇمشۇقىغا قېچىپ كەتكەن. 7-ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى كۆپەيتىپ كوماسىدا كەسكىن جەڭ قىلغان. 10-ئايدا قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا ئۆتكەن. 1901-يىلى قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. ئاسانتېۋا قاتارلىق يولباشچىلار سېيشېل تاقىم ئاراللىرىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1902- يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاسانتې ئالتۇن قىرغاق مۇستەملىكىسىگە قوشۇۋېتىلگەن.

ئاسانتى بىرلەشمىسى

  • ئاسانتى بىرلەشمىسى[يەشمىسى:] گانانىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاكان (Akan) پ-ادىشاھلىقى. ئاسانتى (Asante)ئەسلى دېنكېرا(Denkyera) قەبىلىسىگە تەۋە بولغان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يېقىن ئەتراپتىكى قەبىلىلەر بىرلەشمە تەشكىل قىلىپ، كىۋامان (كېيىن كۇماسىگە ئۆزگەرتىلگەن) نى پايتەخت قىلغان، ئوسىي تۇتۇ (Osei Tutu، تەخمىنەن 1697 — 1731-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە دورما (Doma) ۋە تافو (Tafo) نى بويسۇندۇرۇپ، دېنكېرانى مەغلۇپ قىلىپ، ئاكانلارنىڭ كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلانغان. ئاسانتى پادىشاھى ئالىي ئامانخېن (Amanhene) بولۇپ، بىرلەشمىنىڭ سىياسىي ۋە مەنىۋى داھىيسى بولغان. ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئامانخېنلىرى ئاسانتى بىرلەشمىسى قەبىلە باشلىقلىرى كېڭىشىگە قاتناشقان، ئەزالار باراۋەر بولۇپ، ئاسانتى پادىشاھى ئۇلارنىڭ يەر ۋە مال-مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقسىز بولغان، لېكىن ئۇلار پادىشاھقا سادىق بولىدىغانلىققا قەسەم بېرىشى، ئولپان تاپشۇرۇشى، سودا-سېتىق قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشى، ئۇرۇش مەزگىلىدە قوشۇن يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك بولغان. 1805-يىلى ئاسسىن قەبىلىسىنىڭ ئىككى باشلىقى فانتى قەبىلىسىگە قېچىپ بارغان، فانتى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھىمايىسىگە تايىنىپ، ئۇلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلىپ، ئاسانتى ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان. فانتى ئارمىيىسى ۋە ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەغلۇپ بولغان، ئەنگلىيە فانتىنىڭ ئاسانتى بىرلەشمىسىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. 100 يىلغا يېقىن ئەنگلىيىگە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىدىن كېيىن، 1896-يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1902-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەنگلىيىگە قاراشلىق ئالتۇن قىرغاققا رەسمىي قوشۇۋېتىلگەن. 1935-يىلى گانا خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى ئەۋج ئالغان ۋەزىيەت ئاستىدا، ئەنگلىيە ئاسانتى بىرلەشمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغان، لېكىن ئۇ يەنىلا ئەنگلىيىگە قاراشلىق ئالتۇن قىرغاقنىڭ بىر مەمۇرىي رايونى بولغان.

ئاسانتى ئۇرۇشى

  • ئاسانتى ئۇرۇشى[يەشمىسى:]ئەنگلىيە ئاسانتى بىرلەشمىسىگە تاجاۋۇز قىلغان مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشى. ⅩⅦ ئەسىردىن باشلاپ ئەنگلىيە گانانىڭ دېڭىز بويلىرى رايونىغا داۋاملىق تاجاۋۇز قىلىپ، ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقان. 1805-يىلى ئاسانتى بىرلەشمىسىدىكى ئاسسىن (Assin) قەبىلىسىنىڭ ئىككى باشلىقى فانتى (Fante) قەبىلىسىگە قېچىپ بارغاندا، فانتى قەبىلىسى ئۇلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش كېلىپ چىققان. 1806-يىلى فانتى ئابورا (Abora) جېڭىدە مەغلۇپ بولغان. ئارقىدىنلا ئەنگلىيە ئارمىيىسى بىلەن ئاسانتى ئارمىيىسى پورت ۋىللىيامدا جەڭ قىلىپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسى مەغلۇپ بولۇپ، فانتىنىڭ ئاسانتى بىرلەشمىسىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. 1821-يىلى ئەنگلىيە يەنە ئۇرۇش قوزغىغان، باش ۋالىي مكارت مەغلۇپ بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. 1826-يىلى يەنە ئۇرۇش پارتلىغان، ئاسانتى ئارمىيىسى كاتامەنسو (Catamanso) دېگەن جايدا مەغلۇپ بولغان. 1831-يىلى ئىككى تەرەپ سۈلھ تۈزۈپ، فانتى، ئاسسىن قەبىلىلىرى ئاسانتى بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ چىقىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. 1873-يىلى ئەنگلىيە ئاسانتىنىڭ ئىچكى رايونلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئاسانتىنى «فومىننا شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، دېڭىز بويلىرى رايونىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغان. 1896-يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسى پايتەخت كۇماسنى بېسىۋالغان، ئاسانتى بىرلەشمىسى تارقىتىۋېتىلگەن. 1901-يىلى ئاسانتىۋا قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئالتۇن قىرغاق مۇستەملىكىسىگە قوشۇۋېتىلگەن.

ئاسانگا

  • ئاسانگا[يەشمىسى:]Asanga، تەخمىنەن 395 — 470) ھىندىستان ماھايانا بۇددا دىنى يوگا مەزھىپىنى ياراتقۇچىلارنىڭ بىرى. ۋاسۇباندۇنىڭ ئاكىسى. براخمان تەبىقىسىدىن. «ماھايانا سامپارىگراخاشاسترا»، «ماداراچىلىق»، «ۋاجراچچىدىكاپراجنا پارامىتا سۇترا»، «ئاراۋاچاپراكارانا شاسترا»، «ماھايانا ئابھىدخارما شاسترا» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار. 

ئاسانىيە

  • ئاسانىيە[يەشمىسى:] Azanay Diaz Manuel، 1880 — 1940) ئىسپانىيە زۇڭتۇڭى (1936 — 1939). ئەسلى يازغۇچى. ئوقۇۋاتقان چېغىدا كاتولىك دىنىغا قارشى تۇرغان. پارىژدا قانۇن ئۆگەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەدەبىيات، ئاخبارات ۋە تەرجىمانلىققا قىزىققان. 1926-يىلى «ۋەنلارانىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن ئەسىرى دۆلەت ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. پادىشاھ ۋە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا قارشى تۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلغان. 1930-يىلى ئەدەبىي ۋە سىياسىي تەشكىلات مادرىدتىكى ئاتېنېنو (Ateneno) نىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىنقىلابىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 1931-يىلى جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم تەيىنلەنگەن ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1931 — 1933-يىللىرى زۇڭلى بولغاندا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ھەربىيلەر تەرەپدارلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ قولغا ئېلىنغان. 1934-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 1936-يىلنىڭ باشلىرىدا خەلق فرونتى ئىسپانىيىدىكى چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا يەنە زۇڭلى بولغان. شۇ يىلى 5-ئايدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ئىسپانىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە شىمالىي قىسمىدا تۇرغان، كېيىن فرانسىيىدە پاناھلانغان. 1939-يىلى 2-ئايدا پارىژدا زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان. كېيىن كېسەل بىلەن فرانسىيىدە ئۆلۈپ كەتكەن.

ئاسپارۇخ

  • ئاسپارۇخ[يەشمىسى:]Acпapyx، تەخمىنەن مىلادى 646 — 701) ئىسپېرىخ(Ncпepux) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇلغارىيە خانى (تەخمىنەن 670 — 701). مىلادى Ⅶئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ئاۋارلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغانلىقتىن، بىر قىسىم بۇلغارلارنى باشلاپ ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى ۋە ئازوۋ دېڭىزى بويلىرىدىن غەربكە كۆچكەن، كېيىن دۇناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە قاراشلىق دوبرۇجا (Dobruja) دا ئولتۇراقلاشقان. كېيىن يەرلىك سلاۋيانلار بىلەن بىرلىشىپ، 681-يىلى (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە 679) ۋىزانتىيە پادىشاھى كونستانتىن Ⅳ (Constantine Ⅳ، 668 — 685- يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نى مەغلۇپ قىلىپ، رەسمىي دۆلەت قۇرغان. تارىختا ئۇ تۇنجى بۇلغارىيە پادىشاھلىقى (681 — 1018) دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاستانىدىكى يۇرتداشلار باشقارمىسى

  • ئاستانىدىكى يۇرتداشلار باشقارمىسى[يەشمىسى:]چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسى دەۋرىدە پايتەختتىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئايماق ۋە ناھىيىلەر بويىچە تەشكىل قىلغان يۇرتداشلار ئورگىنى. ئۇنىڭدا باش ئاتامان، مەسلىھەتچى (6-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى)، ياردەمچى نازارەتچى قاتارلىق ئەمەللەر تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭغا بىر يۇرتلۇق ئەمەلدارلار، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار تەيىنلەنگەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار يەنە ئاتا-بوۋىسى ياكى خوتۇنىنىڭ يۇرتىنىڭ پايتەختتىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئەمەلدارلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. بۇ ئورگاننىڭ ۋەزىپىسى ئاساسەن ئايماق، ناھىيە ۋە يېزا ئەمەلدارلىرىنى نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇلار يېزا ئاقساقاللىرىنى كۆرسەتكەن، ئەمەلدارلارنىڭ پايتەختكە ئولپان توشۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلغان. ئايماق ناھىيىلەرنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش توغرىسىدا تەكلىپلەرنى بەرگەن. ئايماق، ناھىيىلەردىكى ئەمەلدارلار ئۆز يۇرتلۇق ئەمەلدارلارنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزسە مەھكىمىنىڭ قاتتىق جازا بېرىشىگە ئۇقتۇرۇش قىلغان، لېكىن ئايماق، ناھىيە ئامباللىرىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. مەزكۇر ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى ئەمەلدارلار ھامان ھوقۇق ۋە كۈچكە تايىنىپ يۇرتىدىكى يەرلەرنى قوشۇۋېلىپ، قورۇقلارنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنى قاتتىق خورلىغان ۋە ئۇلاردىن پارە ئالغان. 

ئاستراخان خانلىقى

  • ئاستراخان خانلىقى[يەشمىسى:]تاتارلار قۇرغان فېئودال دۆلەت. كاسپىي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى رايونىغا جايلاشقان. ئەسلى قىپچاق خانلىقىنىڭ تەۋەلىكى ئىدى. 1395 — 1396-يىللىرى تېمۇرلەڭنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. تەخمىنەن 1460-يىلى قىپچاق خاندانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولۇپ، ئاستراخان (Astrakhan) نى پايتەخت قىلغان. دائىم يېقىن قوشنىسى قىرىم خانلىقى قاتارلىقلارغا بېقىنغان. 1556-يىلى چار پادىشاھ ئىۋان Ⅳ تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 

ئاستۇرىياس پادىشاھلىقى

  • ئاستۇرىياس پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئاستورىياس (Asturias) رايونىدىكى فېئودال پادىشاھلىق. مىلادى 718-يىلى غەربىي گوتلارنىڭ يولباشچىسى پېلايو (Pelayo، ؟ — تەخمىنەن 737) ئەرەبلەرنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن قۇرغان دۆلەت. پايتەختى ئوۋېيدو (Oviedo). ئال- فونسۇ Ⅱ (Alfonso Ⅱ) تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (791—842) فرانكلار بىلەن بىرلى-شىپ، ئەرەبلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، زېمىنىنى غەربىي جەنۇبقا كېڭەيتكەن. ئالفونسۇⅢ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (866 — 909) داۋاملىق غەربىي جەنۇبقا كېڭەيمىچىلىك قىلغان. 910-يىلى پادىشاھلىق لىئون، گالتسىيە(Galicia) ۋە ئاستۇرىياستىن ئىبارەت ئۈچ كىچىك پادىشاھلىققا بۆلۈنۈپ كەتكەن. 914-يىلى لىئون گالتسىيە بىلەن بىرلەشكەن. 924-يى-لى لىئون، گالتسىيە يەنە ئاستۇرىياس بىلەن بىرلىشىپ، لىئون پادىشاھلىقى دەپ ئاتالغان. 

ئاستۇرىياس قوزغىلىڭى

  • ئاستۇرىياس قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ئىسپانىيە ئىشچىلىرىنىڭ فاشىستلارغا قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى. ئاستۇرىياس ئىسپانىيىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردە ئۇزاق ۋاقىت مۇستەقىل بولغان، تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە. 1934-يىل 10-ئاينىڭ 4-كۈنى كوممۇنىستلار، سوتسىيالىستلار ۋە ئانارخو- سىندىكالىستلار تەشكىللىگەن بىرلىك سەپنىڭ رەھبەرلىكىدە، شۇ جايدىكى كان ئىشچىلىرى ئومۇمىي ئىش تاشلىغان. ئەتىسى ئىش تاشلاش كاتالونىيە، ۋالېنسىيە، لېيىئون قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيگەن. قوزغىلاڭچىلار ئاستۇرىياسنىڭ مەركىزىي ئوۋېيدونى ئىشغال قىلىپ، ئىشچى-دېھقانلار ئىنقىلابىي ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەت قوشۇن توپلاپ، 10-ئاينىڭ 10-كۈنى قوزغىلاڭنى دەھشەتلىك باستۇرۇپ، تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىنى تۈرمىگە سولىغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ 1936-يىلى خەلق فرونتىنى قۇرۇش ئۈچۈن شەرت-شارائىت يارىتىپ بەرگەن. 

ئاستراخان قوزغىلىڭى

  • ئاستراخان قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] 1705 — 1706-يىللىرى ئاستراخان خەلقى روسىيە فېئودال ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلاڭ. ئاستراخان ئەسلىدە ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى تاتار خانلىقى ئىدى. 1556-يىلى ئىۋان Ⅳ تەرىپىدىن قوراللىق بېسىۋېلىنغان.ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ⅩⅧ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ئون يىلىدا باج-سېلىقنىڭ ئېغىرلىشىشىغا، ھاشارنىڭ كۆپىيىشىگە خەلق چىداپ تۇرالماي، ھەرقايسى جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 1705-يىلى ئاستراخاننىڭ گوبىرناتورى ژېۋىسكې (Τ·Жевский)زورلۇقزومبۇلۇق قىلىپ، خەلق ئۈستىدىكى باج-سېلىق ۋە ھەربىي خىزمەتنى خالىغانچە ئېغىرلىتىپ، كۈچلۈك قارشىلىق قوزغىغان.7-ئاينىڭ 30-كۈنى كېچىسى ئاستراخاندىكى شەھەر كەمبەغەللىرى، ئىشچىلار، ئەسكەرلەر ۋە مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە تېزلىكتە روسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كەڭ رايونلارغا كېڭىيىپ، ئاستراخان ۋە باشقا نۇرغۇن شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان. بەزى باي سودىگەرلەر سودىدا توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقتىن قوزغىلاڭغا قارشى تۇرغان. ئىككىنچى يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى روسىيە قوشۇنى بايلارنىڭ ۋە سودىگەرلەرنىڭ قوللىشى ۋە ماسلىشىشى ئارقىسىدا بۇ قوزغىلاڭنى دەھشەتلىك باستۇرۇپ، نەچچە يۈز قوزغىلاڭچىنى ئۆلتۈرگەن، قالغانلىرىنى سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلغان.

ئاسساسىنلار

  • ئاسساسىنلار[يەشمىسى:]ئىسلام دىنى شىئەلەرنىڭ ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ بىر تارمىقى. ئۇلار داۋاملىق «خاشىش» (نەشە) نى ئىستېمال قىلغاچقا خاشىشلار (يەنى خاشىش چېكىدىغانلار) دەپ ئاتالغان، ياۋروپالىقلار ئۇنى بۇزۇپ ئاسساسىنلار دەپ ئاتىغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. مۇرائىلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مەزھەپ 1090-يىلى ھەسەن ئىبنى ساباھ ( Hassan ibn Sabbah ؟ — 1124) تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. كاسپىي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى رايونلارنى تايانچ بازا قىلغان بولۇپ، مەركىزى ئالامۇت (Alamut، ھازىرقى تېھراننىڭ غەربىي شىمالى). مىسىر فاتىمە خاندانلىقىنىڭ خەلىپىسى مۇستاسىر (Mustasir 1036 — 1094) ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى مۇستالى (Mustli، 1094 — 1101) خەلىپىلىككە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاكىسى نىزار (Nizar) نى بىكار قىلغان. ئاسساسىنلار يەنىلا نىزارغا سادىق بولغاچقا، نىزارچىلار دەپمۇ ئاتالغان. كېيىن ئۇلارنىڭ كۈچى ئىراننىڭ شەرقىي قىسمى، ئىراق، سۈرىيە ۋە لىۋان رايونىغىچە كېڭىيىپ، نۇرغۇن قورغانلارنى قۇرۇپ، «پىدائىيلار» (fida’i) لارنى تەشكىللەپ، مەخسۇس تېررورلۇق يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغاچقا، «يوشۇرۇن ئۆلتۈرگۈچىلەر» دەپ ئاتالغان. سۈرىيىدىكى ئاسساسىنلارنىڭ سەردارى ياۋروپا ئەھلىسەلىپ قوشۇنى تەرىپىدىن «تاغ قەلئەسىدىكى قېرى» دەپ ئاتالغان. 1256-يىلى ئالامۇت شەھىرى موڭغۇللار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان؛ 1273-يىلى ئۇلارنىڭ سۈرىيە قاتارلىق جايلاردىكى قورغانلىرىمۇ مىسىرنىڭ مەملۇكلەر سۇلتانىنىڭ ئارمىيىسى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۈچى ئاجىزلىغان.

ئاسكۇلۇم

  • ئاسكۇلۇم[يەشمىسى:]Asculum) قەدىمكى ئىتالىيىدىكى شەھەر. پىسېن (Picenum) تەۋەلىكىگە جايلاشقان. رىمغا قارشى «ئىتتىپاقچىلار ئۇرۇشى» مۇشۇ جايدا پارتلىغان. مىلادىدىن 89 يىل بۇرۇن رىم تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. كېيىن قاي-تا ياسالغان. ئاپۇلىيە(Apulia)دىمۇ ئاسكۇلۇم (Asculum) دېگەن جاي بار. مىلادىدىن 279 يىل ئىلگىرى رىملىقلار بۇ جايدا پىرروس (ئېپىروس پادىشاھى) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 

ئاسكۋىت

  • ئاسكۋىت[يەشمىسى:]Herberth Henry Asquit، 1852 — 1928) ئەنگلىيە باش ۋەزىرى (1908 — 1916). لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. ياش ۋاقتىدا ئوكسفورد ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇغان. 1876-يىلى ئادۋوكات بولغان. 1886-يىلى تۆۋەن پالاتا لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى ۋە قوشۇمچە دىنىي ئىشلار مەخسۇس خادىمى (1892 — 1895)، مالىيە ۋەزىرى (1905 — 1908) بولغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلىدە يۇقىرى پالاتانىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىنى كۈچىنىڭ بارىچە چەكلىگەن، لېكىن ئىرلاندىيىدە چەكلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا كۆپ يىل تەشەببۇس قىلغان قانۇن لايىھىسىنى پارلامېنتتا ماقۇللىتالمىغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرگەن. 1925-يىلى ئاقسۆڭەك ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1926-يىلى لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ داھىيلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 

ئاسكىيا مۇھەممەدⅠ

  • ئاسكىيا مۇھەممەدⅠ[يەشمىسى:]Askia Mohammed Ⅰ) يەنى «مۇھەممەد تۇرې».

ئاسوكا

  • ئاسوكا[يەشمىسى:]Asoka مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 232) قەدىمكى ھىندىستاندىكى ماگادخا دۆلىتى ماۋۇريا خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 268 — 232). چاند-راگوپتانىڭ نەۋرىسى، پوشامىترانىڭ ئوغلى. تاج كىيگەندىن كېيىنكى توققۇزىنچى يىلى ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ جەنۇبىدىكى كالىنگاغا كەڭ كۆلەمدە بېسىپ كىرگەن. تاش تۈۋرۈكلەرگە ئويۇلغان يارلىقلاردا خاتىرىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا 150 مىڭ ئادەم ئەسىر ئېلىنغان، 100 مىڭ ئادەم قىرىلغان، ئۇرۇشنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئىنتايىن زور بولغان. كالىنگانى بويسۇندۇرغاندىن كېيىنكى جەنۇبىي چەتتىكى مەپسۇر رايونىدىن باشقا، ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ھىندىستاننى بىرلىككە كەلتۈرگەن؛ ماگادخا زېمىنى كەڭ، چ-وڭ ئىمپېرىي-ە(«ماۋۇريا ئىمپېرىيىسى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ)بولۇپ شەكىللەنگەن، شۇنداقلا ئۇ قەدىمكى ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇرۇشتا كۆپلىگەن ئادەمنى قىرغىن قىلغانلىقى ئۈچۈن سىرامان ئايەتلىرىنىڭ تېگىگە يېتىپ، قىلمىشىغا ئۆكۈنگەن ھەمدە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، مەنىۋى جەھەتتىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا كىرىشكەن. «دامۇ» دىنىي ئەقىدىسىنى ۋە بۇددا دىنىي ئەقىدىسىنى تەرغىپ قىلىپ، ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇتخانا-مۇنارلارنى ياساتقان ھەمدە پەرمانلارنى ئېلان قىلىپ، ئۇنى غار ۋە مۇنارلارغا ئويدۇرۇپ، «خان يارلىقى» دەپ نام بەرگەن. ئۆزى بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىنى ھەج-تاۋاپ قىلىپ، ھەممە جايغا خاتىرە مۇنارلىرىنى ئورناتقان. دىن تارقاتقۇچى راھىبلارنى ھەممە يەرگە دىن تارقىتىشقا ئەۋەتكەن. ئۇلار يىراقتا پېرسىيە، يۇنان، سرىلانكا ۋە تۆۋەنكى بىرما قاتارلىق جايلارغا بېرىپ دىن تارقىتىپ، بۇددا دىنىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە پايتەخت پاتالىپوترا شەھىرى (ھازىرقى پاتنا شەھىرى) دە بۇددا ئەقىدىلىرىنى ئۈچىنچى قېتىم توپلاش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن. 

ئاسسۇربانىپال

  • ئاسسۇربانىپال[يەشمىسى:]Assurbnipal،تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 626) ئاس-سۇرىيە پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 668 — 626). ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، داۋاملىق تاشقى ئۇرۇش ئېلىپ بارغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 662 يىل ئىلگىرى مىسىرغا يۈرۈش قىلىپ، ئۇنىڭ پايتەختى تېبېسنى ۋەيران قىلغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 646 يىل ئىلگىرى بابىلون شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، يۈز ئۆرىگۈچى ساماسسى-ئۇمۇكىن(Samassiumukin،ئاسسۇربانىپالنىڭ ئىنىسى) نى ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈۋېلىشقا مەجبۇر قىلغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 639 يىل ئىلگىرى شەرقىي قوشنىسى ئېلام (Elam) نى مەغلۇپ قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ پايتەختى — سۇسا (susa) نى تالان-تاراج قىلغان ۋە ۋەيران قىلغان. يەنە سۈرىيە ۋە فىنك قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرۇپ، ئاسسۇرىيە ھۆكۈمرانلىقىنى قايتا تۇرغۇزماقچى بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى ئاجىزلاپ كەتكەن.ئوردا-ساراي سالدۇرغان، چېركاۋلارنى رېمونت قىلدۇرغان. مەشھۇر «ئاسسۇربانىپال كۇتۇپخانىسى» نى بىنا قىلدۇرغان. بۇ، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نىنىۋىيە خان ئوردىسىنىڭ خارابىسىدىن قېزىپ چىقىلغان، ئۇنىڭدا 20 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق مىخ يېزىقلىق سېغىز بەت ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇ دىنىي رىۋايەت، ئەدەبىي ئەسەر قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاسسۇرىيە ھەمدە مېسوپوتامىيە رايونلىرىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

ئاسسۇرناسىرپالⅡ

  • ئاسسۇرناسىرپالⅡ[يەشمىسى:]AshurnasiⅡ مىلادىدىن ؟ — 859 يىل بۇرۇن) ئاسسۇرىيە پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 883 — 859). تەختتىكى مەزگىلىدە، كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى ئارامېلارنى مەغلۇپ قىلىپ، شىمالدىكى ئۇرارتۇغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، شىمالىي سۈرىيە ئەتراپىنى بويسۇندۇرۇپ، تەسىر كۈچىنى فىنكىيە دېڭىزىنىڭ بويلىرىغىچە يەتكۈزۈپ، سىدون، بىبىل قاتارلىق جايلارنى ئىتائەت قىلدۇرۇپ، ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان. بارغانلا يېرىدە قەبىھلىك بىلەن قىرغىنچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغان. پايتەخت كالاخ ھازىرقى نىمرۇدتا ھەشىمەتلىك خان سارىيى سېلىپ، ساراي تېمىغا پادىشاھنىڭ ھەربىي يۈرۈش قىلغان چاغدىكى غەلىبىلىك كۆرۈنۈشىنى نەقىش قىلدۇرغان.

ئاسسۇرىيە

  • ئاسسۇرىيە[يەشمىسى:]Assur) غەربىي ئاسىيادىكى مېسوپوتامىيە رايونىنىڭ شىمالىدىكى قەدىمكى شەھەر، تىگرىس (Tigris) دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىغا، كىچىك زاب دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىنىڭ يېنىغا جايلاشقان. قەدىمكى زاماندا غەربىي ئاسىيانىڭ قاتناش ۋە سودا مەركىزى بولغان، ئاسسۇرىيەنىڭ پايتەختى. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا قۇرۇلغانلىقى ئۇر ئۈچىنچى خاندانلىقىنىڭ ھۈججەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان. ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىسى خۇررىتلار بولۇپ، كېيىن سېمىتلار كۆچۈپ كىرىپ، بارا-بارا قوشۇلۇپ ئاسسۇرىيلارنى تەشكىل قىلغان. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا، بارا-بارا تەرەققىي قىلىپ قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت («ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى» دېگەن ماددىغا قارالسۇن) كە ئايلانغان. مىلادىدىن 614 يىل ئىلگىرى مېدىيە تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. ئارخېئولوگلار شەھەر خارابىسىنى قېزىپ چىقىپ، ئويما يېزىقتىكى «ئاسسۇرىيە قانۇنى» قاتارلىقلارغا ئىگە بولغان. بۇ، ئاسسۇرىيە تارىخى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

ئاسسۇرىيەشۇناسلىق

  • ئاسسۇرىيەشۇناسلىق[يەشمىسى:]Assyriology) «مېسوپوتامىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مىخ يېزىق ئىشلەتكەن مىللەتلەر (سۇمېرلار، بابىلونلار، ئاسسۇرىيلار، پارسلار، ھىتىتلار، ئېلامىلار ۋە باشقىلار) نىڭ تىلى، يېزىقى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ، شەرقشۇناسلىقنىڭ بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ. دەسلەپتىلا ئاسسۇرىيىنىڭ تىلى، يېزىقى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى قېزىپ چىقىش ۋە تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. كېيىنمۇ مۇشۇ بويىچە قوللىنىپ كېلىنگەن. ⅩⅦ ئەسىردە ئىتالىيىلىك پېرترو دېللاۋاللې (Piertro della Valle، 1586 — 1652) پېرسېپولس ئوردىسىنىڭ ئويما يېزىق پارچىسىنى ياۋروپاغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، مىخ يېزىق كىشىلەرگە تونۇلغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، گېرمانىيىلىك گروتېفېند ئىككى گۇرۇپپا ئويما يېزىققا ئاساسلىنىپ، پارس مىخ يېزىقىدىن 12 ھەرپنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاپ، مىخ يېزىقنى دەلىللەپ چۈشەندۈرۈشكە ئاساس سالغان. كېيىن بىرونوف (Eugene Burnouf، 1801 — 1852) ۋە لاسسېن (Christian Lassen، 1800 — 1876)تىرىشىشى ئارقىسىدا، مىخ يېزىقنى دەلىللەپ چۈشەندۈرۈش خىزمىتىدە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەش بولغان. 1842-يىلى فرانسىيىلىك بوتتا (Paul Emile Botta، 1802—1870) ۋە 1845—1851-يىللىرى ئەنگلىيىلىك لايارد (Austen Henry Layard، 1817 — 1894) ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئىراقنىڭ شىمال-ىدىكى موسۇل(Mosul)دېگەن جاينىڭ ئەتراپىدىن ئاسسۇرىيە قەدىمكى خارابىسىنى تېپىپ چىقىپ، سېغىز بەتلىك ھۈججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارغا ئىگە بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنگلىيە ئالىمى راۋلىنسون تاپقان بېخىستون ئويما يېزىقى مىخ يېزىقنى يېشىپ چۈشەندۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. 1857-يىلى تۆت ئالىم بىر-بىرىگە تايانماستىن ئوخشاش بىر ئويما يېزىقنى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، ئاساسەن بىردەك بولغان تەرجىمە نۇسخىسىغا ئىگە بولغان، بۇنىڭ بىلەن بۇ يىل ئاسسۇرىيەشۇناسلىق مەيدانغا كەلگەن يىل دەپ ھېسابلانغان. مىخ يېزىقنى يېشىپ چۈشەندۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاسسۇرىيەشۇناسلىقنى ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرغان.

ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى

  • ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:] قەدىمكى غەربىي ئاسىيادىكى قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت. تەخمىنەن مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگى- رىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، سېمىتلارنىڭ بىر تارمىقى تىگر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى رايونىدا ئاسسۇر (Assur) شەھىرىنى قۇرغان، بۇ، ئاسسۇرىيىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا، كىچىك ئاسىيا (ھىتت) رايونىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بارا-بارا قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت (تارىخ كىتابلىرىدا ئاسسۇرىيە [Assyria] دېيىلگەن) شەكىللەنگەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ قىرغاقلىرىغا قاراپ كېڭەيگەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى ⅩⅥ ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى ⅩⅤ ئەسىرگىچە بىر مەھەل مىتاننى (Mitanni) دۆلىتى (خۇرىتلار]Khurrites ياكى[ Hurrians قۇرغان) نىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان. مىلادىدىن 1400 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئەتراپىدا مىتاننى دۆلىتى ھىتتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاجىزلاپ كېتىپ، ئاشۇر ئۇبالىتⅠ (Ashur ubballitⅠ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1365 — 1330) پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مىتاننىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن مىتاننى، كاسسىت بابىلون ۋە شىمالدىكى ئۇرارتۇنى ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ قىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅸ ئەسىردە، ئارامې ئانس (Arameans) لار كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئاسسۇرىيىنى بۆلۈنۈش ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ ئەسىردە، مېسوپوتامىيە ۋادىسى-دىكى ھەر خىل كۈچلەر ئارقا-ئارقىدىن ئاجىزلاپ، ئاسسۇرىيە قايتىدىن گۈللەنگەن. ئاسسۇرناسىرپال Ⅱ ۋە سالمانېسسر Ⅲ (ShalmaneserⅢ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 858 — 824 يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرلىرىدە مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ شىمالى ۋە سۈرىيە ئەتراپىنى بويسۇندۇرغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅸ ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅷ ئەسىرگىچە ئاسسۇرىيە تۆمۈر قورال دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، تىگلات پىلېسېر Ⅲ ۋە سارگون Ⅱ دەۋرىگىچە ھوقۇق مەركەزلەشكەن ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان؛ زېمىنى شەرقتە ئىران ئېگىزلىكىگە، غەربتە ئوتتۇرا دېڭىز (شۇنىڭدىن كېيىنكى ئاسارخاددون دەۋرىدە مىسىرغىچە يېتىپ بارىدۇ) غا، شىمالدا كاپكاز، جەنۇبتا پېرسىيە قولتۇقىغىچە تۇتىشىپ، غەربىي ئاسىيا ۋە شەرقىي شىمالىي ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور ھەربىي ئىمپېرىيىنى شەكىللەندۈرگەن، نىنېۋې (Ninevh) پايتەخت قىلىنغان، مەملىكەت ئىچىدىكى سىنىپىي زىددىيەتلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە بويسۇندۇرۇلغانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅶ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى-دىن باشلاپ ئاجىزلاپ كەتكەن. مىلادىدىن 626 يىل ئىلگىرى كالدېئانلار (نابوپولاسسار) بابىلوننى ئىگىلىۋالغان ھەمدە شەرقتىكى مېدىيە بىلەن ئاسسۇرىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن. مىلادىدىن 612 يىل ئىلگىرى مېدىيە بىلەن كالدېئان بىرلەشمە ئارمىيىسى نىنېۋېنى ئىگىلىگەن. مىلادىدىن 605 يىل ئىلگىرىكى كاركېمىس جېڭىدە ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى ئاخىر ھالاك بولغان. ئاسسۇرىيە مەدەنىيىتى سۇمېر، بابىلون مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. قەدىمكى پايتەخت نىنېۋې خان ئوردىسى كۇتۇپخانىسىدا كۆپلىگەن مىخ يېزىقلىق سېغىز بەتلەر ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇلار دىنىي رىۋايەتلەر، ئەدەبىي ئەسەرلەر، ئاسترونومىيە ۋە تىبابەتچىلىك قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ئاسسۇرىيە ۋە مېسوپوتامىيە رايونلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. 

ئاسۇئېلا

  • ئاسۇئېلا[يەشمىسى:]Mariano Azuela، 1873 — 1952) مېكسىكا يازغۇچىسى. ياش ۋاقتىدا دوختۇر بولغان. مېكسىكىنىڭ بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى مەزگىلىدە، ۋىللا فرانسىسكو رەھبەرلىك قىلغان دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنىغا قاتنىشىپ، ھەربىي دوختۇر بولغان. كېيىن خالىسكو شتاتى ئاممىۋى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. بىر مەھەل ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن. 1916-يىلى مېكسىكىغا قايتىپ كېلىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. «تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەر»، «مارىيە لوئىزا»، «مەغلۇبىيەتچى»، «كاسىك» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ئاسۋاگوسا

  • ئاسۋاگوسا[يەشمىسى:]Asvaghosa) مىلادى Ⅰئەسىردىن Ⅱ ئەسىرگىچە قەدىمكى ھىندىستاندىكى ماھايانا بۇددا دىنىنىڭ مەزھىپىنىڭ نەزەرىيىچىسى ۋە شائىر. سراۋاستى بەگلىكىدىكى ساكېتا شەھىرىدە تۇغۇلغان. براخمان تەبىقىسىگە مەنسۇپ. ئۇ، كۇشانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى كانىشكا بىلەن زامانداش، راھىب بولغاندا بۇددا دىنىغا يات ئەقىدىگە ئېتىقاد قىلغان. كېيىن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، پارسۋانىڭ (Parsva) شاگىرتى بولۇپ قالغان. پاراسەتلىك بولۇپ، مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دۈشمەن ئۈستىدىن كۈچلۈك شامال خازانلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىغاندەك غەلىبە قىلالايدىكەن. پادىشاھ كانىشكانىڭ قوغدىشى ئارقىسىدا، ماھايانا بۇددا دىنىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، پارسۋا، شىيو قاتارلىق ئوستلار بىلەن بىرگە كۇشانىيە ئوردىسىغا پات-پات كىرىپ چىقىدىكەن. «بۇددا كارىتا-كاياسۇترا»، «ماھايانا سوترالانكا راتىكا» قاتارلىق مۇھىم خەنزۇچە تەرجىمە ئەسەرلىرى بار. شېئىر يېزىشقا، كۈيگە ئۇستا. سانسكرىت يېزىقىدا «مادخۇرانەندا» ناملىق داستان ۋە «سارىپۈترانىڭ سەپىرى» (پەقەت پارچىسىلا ساقلىنىپ قالغان) دراما ئەسەرلىرىنى يازغان. يازغان مۇزىكىلىرى كىشىنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرىدۇ. بىراق بۇ مۇزىكىلار يوقىلىپ كەتكەن. «ماھايانا-سروددوتپا داساسترا» نىمۇ ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ يازغانىكەن.

ئاسېۋېدو دىئاس

  • ئاسېۋېدو دىئاس[يەشمىسى:]Eduardu Acewedo Diaz، 1851 — 1921) ئۇراگۋاي يازغۇچىسى. كۆپ خىل گېزىت-ژۇرناللارنى تەسىس قىلغان ھەمدە تەھرىرلىگەن. «دېموكراتىيە»، «جۇمھۇرىيەت»، «دەۋر» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللارنىڭ مۇھەررىرى بولغان. سىياسىي كۈرەشكە ئارىلاشقانلىقتىن كۆپ قېتىم قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئۇراگۋاينىڭ ئامېرىكا، كۇبا، ئارگېنتىنا، برازىلىيە، پاراگۋايدا تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسى بولغان. ئەسەرلىرىنى قېچىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا يازغان بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللىي تۈسكە ئىگە. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن ئۇراگۋاينىڭ مۇستەقىللىك كۈرىشى تېما قىلىنغان تارىخىي ترىلوگىيە «قانغا مەدھىيە» (يەنى «ئىسمىل»، «يەرلىك ئايال»، «شانلىق سادا») ۋە تۆپىلىكتە ياشىغۇچى چارۋىچىلار باش قەھرىمان قىلىنغان رومانى «يەككە-يېگانىلەر» قاتارلىقلار بار.

ئاسىيا-ئافرىقا يىغىنى

  • ئاسىيا-ئافرىقا يىغىنى[يەشمىسى:]«باندۇڭ يىغىنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاسىيا-ئافرىقا ئەللىرى تۇنجى قېتىم غەرب مۇستەملىكىچى ئەللىرى قاتناشمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاچقان خەلقئارالىق يىغىن. 1955-يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ھىندۇنېزىيىنىڭ باندۇڭ شەھىرىدە ئېچىلغان. يىغىننى بىرما، سەيلون (ھازىرقى سرىلانكا)، ھىندىستان، ھىندۇنېزىيە ۋە پاكىستاندىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىڭ زۇڭلىلىرى 1954-يىل 12-ئايدىكى بېيتېنزورگ يىغىنىدا بىرلىشىپ تەشەببۇس قىلغان. يىغىنغا ئافغانىستان، كامبودژا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، مىسىر، ئىفوپىيە، ئالتۇن قىرغاق (ھازىرقى گانا)، ئىران، ئىراق، ياپونىيە، ئىئوردانىيە، لائۇس، لىۋان، لىبېرىيە، لىۋىيە، نېپال، فىلىپپىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى، سۇدان، سۈرىيە، تايلاند، تۈركىيە، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، يەمەن (ھازىرقى ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتى) قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان. يىغىن ئاسىيا، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ دوستلۇق-ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ۋە ئاسىيا-ئافرىقا ئەللىرى خەلقلىرىگە ئالاھىدە پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولغان مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان. يىغىن مىللەتچىلىك ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، دۇنيا تىنچلىقى، يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە قىلغان. جۇڭگو ۋە يىغىنغا قاتناشقان كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، جاھانگىرلارنىڭ يىغىنغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇشتەك سۇيىقەستى مەغلۇپ قىلىنىپ، ئاسىيا-ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئورتاق پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولغان بېقىندى ئەللەر خەلقلىرى، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان ھەمدە بىردەك «ئاسىيا-ئافرىقا يىغىنىنىڭ ئاخىرقى ئاخباراتى» ماقۇللانغان. ئاخباراتتا مۇستەملىكىچىلىك ئۆزىنىڭ بارلىق ئىپادىلىرىدە تۈپ يىلتىزىدىن تېز يوقىتىشقا تېگىشلىك بولغان بىر خىل ئاپەت ئىكەنلىكى، بارلىق ئەللەر خەلقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش كېرەكلىكى، بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا بېقىندى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئەللەر خەلقىگە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كېچىكتۈرمەستىن ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىك بېرىش كېرەكلىكى جاكارلانغان ھەمدە تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ ئون پرىنسىپىنى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشى، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئاساسى قىلىش لازىملىقى تەشەببۇس قىلىنغان. يىغىندا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئاسىيا-ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىقى، جاھانگىرلىك ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە قوغداش، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ھەرقايسى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى قوغداش روھى «باندۇڭ روھى» دېيىلگەن.

ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى

  • ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى[يەشمىسى:]ماركس «<سىياسىي ئىقتىساد>قا تەنقىدىي سۆز بېشى» (1859) دا تۇنجى قېتىم «ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى» دېگەن ئۇقۇمنى، يەنى «ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئاسىياچە، قەدىمكى، فېئوداللىق ۋە ھازىرقى بۇرژۇئازىيىچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىنى ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ھالەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدىكى بىرنەچچە دەۋر دەپ قاراشقا بولىدۇ.» («ماركس-ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى» 1987-يىل نەشرى، 2-توم 139-بەت)دېگەنن-ى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن، «ئىقتىسادشۇناسلىق قول يازمىلىرى» (1857 — 1858) نىڭ«كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىلگىرىكى ھەرخىل شەكىللەر» دېگەن قىسمىدا، ماركس «ئاسىيا» نىڭ بۇنداق «مۈلۈكچىلىك شەكىللىرى» نى خېلى كۆپ بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئاسىيانىڭ كۆپلىگەن ئاساسىي شەكىللىرىدە يەرنى جامائە ئورتاق ئىگىلەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق پايدىلىنىدۇ، جامائە ئۈستىدە تۇرغان ئومۇمىي بىر پۈتۈن گەۋدە بولسا يەرنىڭ ئەڭ ئالىي ياكى بىردىنبىر ئىگىسى ھېسابلىنىدۇ؛ جامائەنىڭ بەزى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى باج-سېلىق شەكلى بىلەن ئومۇمىي بىر پۈتۈن گەۋدىگە تاپشۇرۇلىدۇ، قالغان قىسمى بىلەن دېھقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ چەكلىك تۇرمۇش ئىستېمالى قامدىلىدۇ؛ جامائە دائىرىسىدە قول سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ناتۇرال ئىگىلىك ئۇزاققىچە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدۇ؛ جامائە ئۈستىدە تۇرغان مۇستەبىت ھۆكۈمەت (يەنى ئومۇمىي بىر پۈتۈن گەۋدە) سۇ ئىنشائاتى، سۇغىرىش ۋە باشقا جامائەت ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ماركس بىلەن ئېنگېلس باشقا ئەسەرلىرى ۋە خەتچەكلىرىدە «ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى» ياكى «ئاسىياچە مۈلۈكچىلىك شەكلى» ئۈستىدىمۇ توختالغان. ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى قانداق چۈشىنىش، ئۇنىڭ زادى قايسى ئىجتىمائىي فورماتسىيىگە ياتىدىغانلىقى، تارىختىكى بىر نەچچە خىل ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ تەرەققىياتىدا قانداق ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىلەر «ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى مەسىلىسى» نى تەشكىل قىلىدۇ. مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20-، 30-يىللىرى ۋە 60-يىللىرىدىن بۇيان، خەلقئارادا ۋە جۇڭگو ئىلىم ساھەسىدە كەڭ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، جامائەتنىڭ پىكرى بىردەك بولمىدى. ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ زادى قايسى ئىجتىمائىي فورماتسىيىگە ياتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىدە، تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە مۇھىم قاراش بار: (1) ئىپتىدائىي جامائە تۈزۈمى دەيدىغان قاراش. يەنى ئىنسانىيەت تارىخىي تەرەققىياتى مۇقەررەر بېسىپ ئۆتكەن ئىپتىدائىي جامائە تۈزۈمىدىكى جەمئىيەتنى، سىنىپىي جەمئىيەتتىن بۇرۇنقى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى جامائە مۈلۈكچىلىكى دەپ قاراش؛ (2) يېزا جامائەسى دەپ قاراش ياكى باشلانغۇچ فورماتسىيە(ئىپتىدائىي جامائەنىڭ كېيىنكى مەزگىلى) دىكى يېزا جامائەسى دەپ قاراش ۋە ياكى قۇللۇق تۈزۈمى شارائىتىدا ئانتاگونىيىلىك خاراكتېر ئالغان كەنجى باشلانغۇچ فورماتسىيىسىدىكى يېزا جامائەسى دەپ قاراش؛ (3) ئالاھىدە ئىجتىمائىي فورماتسىيە دەپ قاراش، يەنى ئادەتتە ئېيتىلغان بەش خىل ئىجتىمائىي فورماتسىيىنىڭ سىرتىدىكى ئالاھىدە ئىجتىمائىي فورماتسىيە ياكى قۇللۇق جەمئىيىتىدىن بۇرۇنقى بىر خىل ئالاھىدە سىنىپىي جەمئىيەت ياكى قۇللۇق تۈزۈم بىلەن يانچىلىق تۈزۈمنىڭ ئارىلاشما تىپىدىكى شەرق جەمئىيىتى ۋە ياكى ئىپتىدائىي جەمئىيەت، قۇللۇق جەمئىيىتى ۋە فېئودالىزم جەمئىيىتى دەپمۇ ھېسابلانمايدىغان بىر خىل ئالاھىدە شەرق ئىجتىمائىي فورماتسىيىسى دەپ قاراش؛ (4) قۇللۇق جەمئىيىتى؛ ياكى فېئودالىزم جەمئىيىتىنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرى دەپ قاراش ياكى شەرقنىڭ ئىپتىدائىي جامائە تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان دەسلەپكى قۇللۇق جەمئىيىتى، ياكى يۇنان ۋە رىمنىڭ قەدىمكى قۇللۇق جەمئىيەتلىرىدىن ۋە ياۋروپانىڭ فېئودالىزم جەمئىيىتىدىن پەرق قىلىدىغان شەرقچە قۇللۇق جەمئىيىتى ياكى فېئودالىزم جەمئىيىتى دەپ قاراش. ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ دەۋرى ۋە جۇغراپىيىلىك ئورنى توغرىسىدا، بەزىلەر پەقەت قەدىمكى زاماننى ياكى ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتى پارچىلانغاندىن كاپىتالىزمنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگىچە بولغان شەرق جەمئىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ قارىسا، بەزىلەر «ئاسىياچە» دېگىنى جۇغراپىيىلىك نام ئەمەس، بەلكى دۇنيا تارىخىغا ئاساسەن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئابستراكسىيىلەشتۈرۈلگەن سۈپەت سۆزى، ئۇ بارلىق مەدەنىي مىللەتلەر ئۆز تارىخىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر باسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ؛ «ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ماركس، ئېنگېلس ئەسەرلىرىدىكى ئۆزگىرىش مەسىلىسى توغرىسىدا ياكى بۇ ئاتالغۇ باشتىن-ئاخىر ئېنىق، زادى ئۆزگەرمىگەن دەپ قارايدۇ ياكى دەسلىپىدە ئالاھىدە جەمئىيەتنى كۆرسەتكەن، كېيىن پەن-تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، مۇستەقىل ئىجتىمائىي فورماتسىيە سۈپىتىدىكى ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى مەۋجۇت ئەمەس، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن، ھەتتا ⅩⅨ ئەسىرنىڭ70-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن بۇ ئاتالغۇ شاللىۋېتىلدى دەپ قارايدۇ. ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى مەسىلىسى ئۈستىدىكى مۇھاكىمە مۇھىم نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ مۇھاكىمە قىلىنىۋاتىدۇ.

ئاسىيلىق ۋەقەسى

  • ئاسىيلىق ۋەقەسى[يەشمىسى:]كوتوكۇ ۋەقەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياپونىيە مېيجى ھۆكۈمىتى سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقارغان ۋەقە. قىزىل بايراق ۋەقەسىدىن كېيىن تەختكە چىققان كاتسوراتارو ئىچكى كابىنېتى سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنى باستۇرۇشنى جىددىيلەشتۈرگەن، 1910-يىل5-ئايدىن باشلاپ، سىياشتا تاكىچى قاتارلىق كىشىلەر تېننونى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇندى دېگەننى باھانە قىلىپ، مەملىكەت بويىچە بىرنەچچە يۈز نەپەر سوتسىيالىزمچىنى قولغا ئالغان ھەمدە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 73-ماددىسىدىكى «ئىنتايىن چوڭ گۇناھ» دېگەن بىر نېمىگە ئاساسلىنىپ گوتوكۇ شۇسۇي قاتارلىق 26 كىشىنى ئەيىبلىگەن. ئىككىنچى يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 24 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى (ئۇنىڭ ئىچىدە 12 كىشىگە بېرىلگەن جازا ئىككىنچى كۈنى مۇددەتسىز قاماق جازاسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن)، ئىككى كىشىگە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن. 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋە 25-كۈنلىرى كوتاكۇ، مىياشتا قاتارلىق كىشىلەر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. قىزىل بايراق ۋەقەسى ۋە ئاسىيلىق ۋەقەسىدىن كېيىن مىلىتارىزم كۈچلىرى بەك كۆرەڭلەپ كەتكەن، سوتسىيالىزم ھەرىكىتى پەسىيىپ قالغان.

ئاشلېيى

  • ئاشلېيى[يەشمىسى:](Willam james Ashley، 1860 — 1927) ئەنگلىيە ئىقتىسادشۇناسى ئوكسفورد داشۆسىدە ئوقۇغان، كانادا تۇرۇنتو داشۆسى، ئامېرىكا خارۋارد داشۆسى ۋە ئەنگلىيە بىرمىڭھام داشۆلىرىنىڭ پروفېسسورى ۋە مۇدىرى بولغان. ئەنگلىيە سانائىتىگە قارىتا قوغدىنىش چېگرا بېجى سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىپ بەزى مۇھىم ئىقتىسادىي تەكشۈرۈش- تەتقىق قىلىش خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. «ئەنگلىيىنىڭ دەسلەپكى يۇڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى تارىخى»، «ئەنگلىيە خەلق ئىگىلىكى تارىخى ۋە ئىقتىسادشۇناسلىققا كىرىش» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ئاشلىق قانۇنى

  • ئاشلىق قانۇنى[يەشمىسى:]ئەنگلىيىنىڭ ئاشلىق ئىمپورت-ئېكسپورتنى چەكلەش توغرىسىدىكى قانۇن. بولۇپمۇ 1815-يىلى ماقۇللانغان مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھىلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 1361-يىلى ئەنگلىيە ئاشلىق باھاسىنىڭ ئەرزان بولۇشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئاشلىق ئېكسپورتىنى مەنئى قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەملىكەتنىڭ ئاشلىق تەمىنات ئەھۋالىغا قاراپ ئىلگىرى-ئاخىر كۆپ قېتىم ھەر خىل ئاشلىق قانۇنىنى جاكارلىغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە، ئاشلىق قانۇنى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان سانائەت بۇرژۇئازىيىسى بىلەن يەر ئاقسۆڭەكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالغان. 1815-يىلى ماقۇللانغان قانۇن لايىھىسىدە، دۆلەت ئىچىدە بىر كورت (quart) بۇغداينىڭ باھاسى 18 شىللىڭ (shilling) دىن تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا چەت ئەل بۇغدايلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلىش ھەمدە ئىمپورت بېجىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، يەر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كىرىمىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى بەلگىلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن سانائەت بۇرژۇئازىيىسى بىلەن باشقا ئىلغار زاتلار ئاشلىق قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىشنى ۋە ئۇنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن 1819-يىل 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى پىتېرلوۋ پاجىئەسى ۋە 1839-يىلى زاۋۇت خوجايىنلىرىنىڭ «ئاشلىق قانۇنىغا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى» نى تەشكىل قىلىشىغا سەۋەب بولغان. 1846-يىلى پېئېل (peel) ھۆكۈمىتى كەڭ ئاممىنىڭ بېسىمى بىلەن ئاشلىق قانۇنىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

ئاشلىق قانۇنىغا قارشى ئىتتىپاق

  • ئاشلىق قانۇنىغا قارشى ئىتتىپاق[يەشمىسى:] ئەنگلىيە سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئاشلىق ئىمپورت بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلغۇچى تەشكىلات. 1838-يىلى مانچېستىردا قۇرۇلغان. ئاشلىق قانۇنىغا قارشى ھەرىكەتنىڭ يادرولۇق كۈچى. رەھبەرلىرى كوبدېن، بىرگىت(John Bright، 1811 — 1889) ئۇلارنىڭ رەھبەرلىكىدىكى مانچېستىر ئىلمىي ئېقىمىدىكىلەرنىڭ تەشەببۇسلىرى ئۇلارنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسى بولغان. ئۇلار ئاشلىق باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، سانائەت ماللىرىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى رىقابەتلىشىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، يەر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىدىغان ئاشلىق قانۇنىغا قارىتا، ئاشلىق ئىمپورت بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بويىچە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق-تەرغىبات قىلىپ، ئەركىن سودىنى يولغا قويۇش سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن پېئېلنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، 1846-يىلى ئاشلىق قانۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مەلۇم قاتلاملىرىنى ئاشلىق قانۇنىغا قارشى ھەرىكەتكە جەلپ قىلغان. بۇ ھەرىكەت ئەينى ۋاقىتتىكى ئاساسىي نىزام ھەرىكىتىگە نىسبەتەن يامان تەسىر پەيدا قىلغان.

ئاشمۇن

  • ئاشمۇن[يەشمىسى:]Jehudi Ashmun، 1794 — 1828) ئامېرىكا مۇستەملىكىچىسى. نيۇ-يوركتا تۇغۇلغان. 1816-يىلى فېمونت ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن دىنىي جەمئىيەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1922-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، قويۇپ بېرىلگەن 37 نېگىر قۇلنى باشلاپ لبېرىيىگە بېرىپ، مۇستەملىكە قۇرۇپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرغان.1824-يىلى كۆچمەنلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكتىن، مونرۇۋىيىدىن بىر مەھەل ئايرىلغان. 1825-يىلى مۇستەملىكىنىڭ باش ۋالىيلىقىغا رەسمىي تەيىنلەنگەن. 1828-يىلى كېسەل بولۇپ قېلىپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن.

ئاشېل مەدەنىيىتى

  • ئاشېل مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]ياۋروپا كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئاببېۋىل مەدەنىيىتىدىن كېيىنكى بىرخىل مەدەنىيەت. دەسلەپتە فرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى سېنت ئاشېل (st. Acheul) دىنتېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشقان. بىللە ياشىغان ھايۋاناتلاردىن قەدىمكى پىل، قىزىل بۇغا ۋە ئىككى خىل كەركىدان قاتارلىقلار بار. قېپقالغان تىپىك نەرسىلەردىن پالتا ئاببېۋىل مەدەنىيىتىنى بىۋاسىتە مەنبە قىلغان، لېكىن چوقۇپ ياساش تېخنىكىسى بىرقەدەر ئىلگىرىلىگەن.

ئاشىدا خىتوشى

  • ئاشىدا خىتوشى[يەشمىسى:]1887 — 1959) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1948). كيوتو ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرستېتىنىتۈگەتكەن. ياپونىيىنىڭ روسىيە، فرانسىيە، تۈركىيىلەردە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ كاتىپى ۋە مەسلىھەتچى ئەمەلدارى بولغان.1931-يىل «18-سېنتەبر» ۋەقەسىدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش سىياسىي مەسلەكداشلار ئۇيۇشمىسىغا قاتناشقان. 1932-يىلدىن باشلاپ ئۇدا 11 قېتىم ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1933 — 1940-يىللىرى ياپونىيىدە چىقىدىغان ئىنگلىزچە ۋاقىت گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1945-يىل 10-ئايدا مىتېخارا كابىنېتىنىڭ سەھىيە ۋەزىرى بولغان،11-ئايدا خاتوياما ئىچىرۆ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ياپونىيە لىبېرالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان. 1947-يىلى 3-ئايدا لىبېرالىستلار پارتىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، 5-ئايدا ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى بولغان. ماينىڭ ئاخىرىدا كاتاياما كابىنېتىنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى ۋە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1948-يىلى 3-ئايدا كابىنېت تەشكىل قىلغان، 10-ئايدا ئاكىۋا ئېلېكتر سانائىتى پارا بېرىش ئەنزىسى تۈپەيلىدىن ئىستېپا بەرگەن، 11-ئايدا ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئۇنىڭ «دۇنيانىڭ يېقىندىن بۇيانقى دىپلوماتىيە تارىخى»، «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دىپلوماتىيە تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ئاشىكاگا تاكائودزېي

  • ئاشىكاگا تاكائودزېي[يەشمىسى:]1205 — 1358) ياپونىيىنىڭ مۇروماچى شوگۇنلۇقىغا ئاساس سالغۇچى. ئەسلى ئىسمى تاكائوجى. مىناموتونىڭ ئەۋلادى. 1333-يىلى كاماكۇرا شوگونلۇقىنىڭ مىكادوگودا ئىگوغا قارشى جازا يۈرۈشىگە قاتناشقان، سەپەر ئۈستىدە لەشكەر تارتىپ چىقىپ خوجىدار خوجوتاكاتوكىغا ئاسىيلىق قىلىپ، كاماكۇرا شوگۇنلۇقىنىڭ كىيوتودا تەسىس قىلغان تىزگىنلەش ئورگىنى — «روكۇخارا» (ئالتە پىرقە) سىنى يوقاتقان. تېننو گودائىگونىڭ ئىسمى تاكائۇخارو بولۇپ، ئاشىكاگا تاكائۇئودىنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن تېننو ئۇنىڭغا تاكا ئودزېي دېگەن ھۈرمەت نامىنى ئىنئام قىلغان. شۇنىڭدىن تارتىپ تاكائودزېي (ھۈرمەتلىك جاناب مەنىسىدە) دەپ ئاتالغان. 1335-يىلى خوجو تاكىيوكىنى مەغلۇپ قىلىپ، كاماكۇرانى ئالغان. تېننوگودا ئىگوغا قارشى چىققانلىقىنى ئاشكارا جاكارلاپ، 1336-يىلى كىيوتونى بېسىۋالغان. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي، نىئوتا يوشىسادا كوسۇكى ماساشىگېي تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن كىيوسىيو ئارىلىغا قېچىپ كەتكەن؛ كېيىن يەنە لەشكەر تارتىپ كىيوتوغا ھۇجۇم قىلغان. مىناتوگاۋا بىرلەشمە جېڭىدە، كۇسۇكىماساشېگېينى مەغلۇپ قىلىپ كىيوتونى تارتىۋالغان، كۆميئۆنى تېننو قىلىپ تىكلىگەن. «كېنتاكىشى قانۇن ئاساسلىرى» نى تۈزۈپ چىققان. 1338-يىلدىن تارتىپ ئۆزىنى «ياۋلارغا جازا يۈرۈش قىلغۇچى باش سىياگۇن» دەپ ئاتىغان. كىيوتونىڭ مۇراماچىدا شوگۇنلۇق قۇرغان. شىمالىي-جەنۇبى سۇلالىلەر قارىمۇ قارشى تۇرغان مەزگىلىدە گاھ شىمالىي سۇلالىلەرگە قارشى تۇرغان، گاھ جەنۇب سۇلالىسى بىلەن بىرلەشكەن. 1352-يىلى بىر قورساق ئىنىسى ئاشىكاگا كېيوشىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. كېيىن كېيوشىنىڭ ئوغلى كېيوفويونىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا كېسەل بولۇپ ئۆلگەن.

ئاشىكاگا شوگونلۇقى

  • ئاشىكاگا شوگونلۇقى[يەشمىسى:]«مۇروماچى شوگونلۇقى» غا قاراڭ.

ئاشىكاگا يوسمىتسۇ

  • ئاشىكاگا يوسمىتسۇ[يەشمىسى:]1358 — 1408) ياپونىيە مۇروماچى شوگناتىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد سىياگۇنى. ئاشىكاگاگىسېن (1330 — 1367) نىڭ چوڭ ئوغلى. ئەركىلەتمە ئىسمى خارۇخان. 1368-يىلى ياۋلارغا جازا يۈرۈش قىلغۇچى باش سىياگۇنلۇق مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلغان. خوجىدار خوسوكاۋا يورىئوكىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇپ، ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلغان. 1378-يىلى كىيوتونىڭ مۇروماچى دېگەن يېرىدە «گۈللۈك ئورداگاھ» سالدۇرۇپ، شوگناتنى شۇ يەرگە يۆتكەپ كېلىپ ئىش بېجىرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇروماچى شوگۇنلۇقى دەپ ئاتالغان. 1394-يىلى سىياگۇنلۇق مەنسىپىنى ئوغلى يوشىكىغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۆزى مەمۇرىيەت بېگى بولغان. ئىككىنچى يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، راھىب بولغان. ئەمما ئەمەلىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ كەلگەن. 1392-يىلى شىمال-جەنۇب سۇلالىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1390 — 1399- يىللىرى يامانا، ئۇئۇچى قاتارلىق يەرلىك ياساۋۇل بېگى تەسىر كۈچلىرىنى باسقان. 1401-يىلى (ياپونىيىنىڭ ئۆناگانىڭ 8-يىلى، مىڭ سۇلالىسى جيەنۋىننىڭ 3-يىلى» جۇڭگو بىلەن ئالاقە باغلاپ، دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا پاراكەندىچىلىك سېلىشىنى مەنئى قىلغان. سودىنى يولغا قويۇپ، شوگناتنىڭ مالىيە قىيىنچىلىقىنى پەسەيتكەن.

ئارغامچا سىزىقچا مەدەنىيىتى

  • ئارغامچا سىزىقچا مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ يېڭى تاش قورال دەۋرىدىكى مەدەنىيەت. ساپال قاچىلارنىڭ ئۈستىنى پۈتۈنلەي ئارغامچا سىزىقچىسى ياكى ئارغامچا سىزىقچىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان سىزىقلار بىلەن بېزەلگەنلىكى ئۈچۈن، «ئارغامچا سىزىقچىسى تىپلىق ساپال قاچىلار مەدەنىيىتى»، قىسقارتىپ «ئارغامچا سىزىقچىلىرى مەدەنىيىتى» دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن ئون مىڭ يىل بۇرۇندىن تارتىپ مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅲ ئەسىرگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، خارابىسى مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە ئۇچرايدۇ. دەسلەپكى مەزگىلى، ئالدىنقى مەزگىلى، ئوتتۇرا مەزگىلى، كېيىنكى مەزگىلى ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدىن ئىبارەت بەش مەزگىلگە بۆلۈش مۇمكىن. شەرقىي قىسىم رايونلار (شەرقىي شىمال) دا ئارغامچا سىزىقچىلىرى مۇرەككەپ؛ غەربىي قىسىم رايونلار (كيۇشۇ ئەتراپى) دا، ئارغامچا سىزىقچىلىرى ئاددىي بولغان. چېقىپ ياسالغان ياكى سۈركەپ ياسالغان تاش قوراللارنى ئىشلەتكەن. يىغىش ۋە بېلىق تۇتۇش بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك شەكلىدۇر.

ئاغمىچىلىق (ئوپپورتۇنىزم)

  • ئاغمىچىلىق (ئوپپورتۇنىزم)[يەشمىسى:] فرانسۇز تىلىدىكى بىر سىياسىي ئاتالغۇدىن كەلگەن. ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدە گامبېتا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىتتىپاقىغا رەھبەرلىك قىلىپ، بارلىق كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، «مۇۋاپىق پەيت» نى تاللاپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1876-يىلى 2-ئايدا نەشىر قىلىنغان «كىشىلىك ھوقۇق گېزىتى» دە روشېفورت (Victor Henri, marquis de Rochefort Lusay Rochefort 1830 — 1913) نىڭ ماقالىسىدە گامېتانى تۇنجى قېتىم «ئاغمىچى» (opportuniste) دەپ ئاتىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، «ئوپپورتۇنى-زم»(opportunisme) دېگەن سۆز مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىققانىكەن. يەنە بىر ئېيتىلىشتا ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىتالىيىدە مەيدانغا كەلگەن دېيىلگەن. شۇ چاغدا بىر گۇرۇھ سىياسىي كۈچ كاۋۇرنىڭ ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىنى ئاقمايدۇ دەپ قاراپ، مۇرەسسەچىلىك يولىغا يەنى «ئوپ-پورتۇنىزم» (opportunismo) يولىغا مېڭىشنى تەشەببۇس قىلغان. «ئوپپورتۇنىزم» ھازىرقى زامان سىياسىي ئاتالغۇسى سۈپىتىدە، پرىنسىپنى قۇربان قىلىپ كۆز ئالدىدىكى ئىشلارغا مادارا قىلىش، ۋاقىتلىق مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ھەرىكەت ئۇسۇلى ياكى سىياسىي لۇشيەننى؛ خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتى تارىخىدا بولسا ماركسىزملىق پرىنسىپتىن ئېغىشتىن ئىبارەت خاتا لۇشيەننى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئوڭچىل ۋە سولچىل ئاغمىچىلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىپادىلىنىش شەكلى بار. ئالدىنقىسى ئىدىيىدە ئەمەلىيەتنىڭ ئارقىدا قېلىپ، ئۆزگەرگەن ئوبيېكتىپ ئەھۋالغا قاراپ ئالغا باسماي، تارىخ چاقىنى ئارقىغا ياندۇرۇشقا ئۇرۇنۇش؛ ئىنقىلابىي كۈرەشلەردە بولسا دۈشمەن كۈچىنى ئارتۇقچە يۇقىرى مۆلچەرلەپ، پرىنسىپتىن ۋاز كېچىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلماسلىق، ھەتتا دۈشمەننىڭ بېسىمى ئالدىدا چېكىنىپ قېچىش ۋە تىز پۈكۈپ تەسلىم بولۇش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئېنگېلس مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئوڭچىل ئوپپورتۇنىزمنىڭ ماھىيىتى «كۆز ئالدىدىكى ۋاقىتلىق مەنپەئەتنى دەپ، تۈپ ئۇلۇغ پىلانلارنى ئەستىن چىقىرىش؛ بىر مەزگىللىك مۇۋەپپەقىيەتكىلا بېرىلىپ كېتىپ، ئاقىۋىتى بىلەن ھېسابلاشماسلىق؛ ھەرىكەتنىڭ ھازىرقىسىنى دەپ، ئۇنىڭ كەلگۈسىنى قۇربان قىلىش» تىن ئىبارەت. («ماركس-ئېنگېلس ئەسەرلىرى» 22-توم، خەلق نەشرىياتى 1965-يىل خەنزۇچە نەشرى، 274-بەت). كېيىنكىسى ئىدىيىدە ئوبيېكتىپ جەريانىنىڭ مۇئەييەن تەرەققىيات باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كېتىپ، خام خىيالنى ھەقىقەت دەپ قاراپ، شۇ چاغدىكى زور كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلىپ، ئىنقىلابنىڭ شەرت-شارائىتى تېخى ھازىرلانماي تۇرۇپلا، يېنىكلىك بىلەن ئىنقىلاب قوزغاپ، قاراملىق ۋە تەۋەككۈلچىلىك قىلىش ھەمدە تەشكىلىي جەھەتتە مەزھەپچىلىك ۋە چېكىدىن ئاشقان كۈرەش بىلەن شۇغۇللىنىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ھەر ئىككىلىسى بۇرژۇئازىيە ياكى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ئىدىيىسىنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، سۇبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتىپنى، بىلىش بىلەن ئەمەلىيەتنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىشنى بەلگە قىلىدۇ ھەمدە مەلۇم شارائىتتا بىر-بىرىگە ئايلىنىدۇ. پرولېتارىياتنىڭ ئىنقىلابىي ئىشلىرىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. لېنىن مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «ئوپپورتۇنىزمچىلار، ئوبيېكتىپ جەھەتتە، بۇرژۇئازىيىنىڭ سىياسىي قوشۇنى، بۇرژۇئازىيە تەسىرىنى تارقاتقۇچى، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى گۇماشتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.» («لېنىن ئەسەرلىرى»12-توم، خەلق نەشرىياتى1959-يىل خەنزۇچە نەشرى، 223-بەت) ماركسىزم «سول» چىل ۋە ئوڭچىل ئوپپورتۇنىزمغا قارشى ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىش جەريانىدا تەرەققىي قىلغان.

ئافاناسېۋ

  • ئافاناسېۋ[يەشمىسى:]Федор Афанасьевич Афанасьев، 1859 — 1905) روسىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىشچى ئىنقىلابچىسى. دېھقاندىن كېلىپ چىققان. 1887-يىلى پېتربۇرگ توقۇمىچىلىق فابرىكىسىغا كىرىپ ئىشلەپ، ئىنقىلابىي پائالىيىتىنى باشلىغان. 1891-يىلى روسىيىدە (1-ماي) نى تۇنجى خاتىرىلەش يىغىلىشىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئىشچىلارنى تەشكىللىنىپ، مۇستەبىت تۈزۈمگە ۋە كاپىتالىستلارغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنغان. 1905-يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە ئىۋانوۋۇ ۋوزنېسېنىسكى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. شۇ يىلى 12-ئايدا تالكا (Талка) دەرياسى بويىدىكى يىغىلىشقا قاتناشقان چاغدا، قارا يۈز كىشىلىك ئۆمەك تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.

ئافاناسېيۋو مەدەنىيىتى

  • ئافاناسېيۋو مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سىبىرىيىدىكى مىس قوراللار بىلەن تاش قوراللار بىرلىكتە ئىشلىتىلگەن دەۋردىكى مەدەنىيەتنىڭ بىرى. دەسلەپتە مىنۇسىنسكى (Минусинск) ئەتراپىدىكى ئافاناسېيۋو (Афанасьево) دېگەن جايدىن تېپىلغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. يېنىسېي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى ۋە ئالتاي رايونىغا تارقالغان. ئىقتىسادىي تۇرمۇشى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، كىچىك تىپتىكى نەپىس مىس ئەسۋابلار ۋە مىس قوراللار بولغان. قەبرىلىرى كىچىك تىپتىكى گۆر بولۇپ، گۆر ئاستىغا ئاق قېيىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقى سېلىنغان، جەسەتكە كىيىم كىيگۈزۈپ، پۇت-قوللىرى پۈكتۈرۈلۈپ دەپنە قىلىنغان. كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك ۋە تۈرمۇش جابدۇقلىرى قاتارلىقلار قوشۇپ دەپنە قىلىنغان بولۇپ، ئۈستى تاختاي ياكى ياغاچ بىلەن يېپىلغان. ئەرلەرنىڭ قەبرىسىدىن بەزىدە قوشۇپ دەپنە قىلىنغان ئاياللارنىڭ جەسىتى تېپىلغان. ساپال قاچىلىرى دەسلەپتە كۆپىنچە ئۇچلۇق بولغان، كېيىن يۇمىلاق شەكىلدىكىلىرى، ئاخىرىدا لوڭقا شەكىلدىكىلىرى بارلىققا كەلگەن. قورال-سايمانلىرىنىڭ كۆپى تاش قوراللار ۋە سۆڭەك قوراللار بولۇپ، كىچىك تىپتىكى قىزىل مىس قوراللارمۇ بولغان. ۋاقتى تەخمىنەن مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارغىچە بولغان دەۋرنىڭ دەسلىپىگە توغرا كېلىدۇ. ئانىلىق تۈزۈمدىن ئاتىلىق تۈزۈمگە ئۆتۈش باسقۇچىغا مەنسۇپ.

ئافاناسىي نىكتىن

  • ئافاناسىي نىكتىن[يەشمىسى:]Aфанасий Никитович Никитин؟—1472)روسىيە ساياھەتچىسى ۋە يازغۇچىسى. تۋېر (Тверь) لىق سودىگەر. 1466 — 1472-يىللىرى ۋولگا دەرياسىنى بويلاپ كاسپى دېڭىزى ئارقىلىق پېرسىيىگە بېرىپ، يىلبويى شۇ جايدا تۇرغان. كېيىن پارىس قولتۇقىدىن يولغا چىقىپ ئەرەب دېڭىزىدىن ئۆتۈپ، ھىندى ئوكيان ئارقىلىق ھىندىستانغا بېرىپ ئۈچ يىل تۇرغاندىن كېيىن شىمالغا قايتىپ كەلگەن. يەنە پېرسىيە ئارقىلىق قارا دېڭىزدىن ئۆتۈپ، 1472-يىلى كافا (Кафа، ھازىرقى نامى فېئودوسىيە [Фeодосия] قىرىم يېرىم ئارىلىدا) گە بېرىپ، ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ ئەڭ دەسلەپتە ھىندىستانغا بارغان ياۋروپالىقلارنىڭ بىرى. «ئۈچ دېڭىزغا ساياھەت» دېگەن ئەسىرى (1853-يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئۈچ دېڭىز — كاسپى دېڭىزى، ئەرەب دېڭىزى، قارا دېڭىزنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر ئېيتىلىشىچە كاسپى دېڭىزى، ھىندى ئوكيان، قارا دېڭىز) دە ئۆزى بېسىپ ئۆتكەن ھەرقايسى جايلارنىڭ مەنزىرىسى ۋە ئۆرۈپ-ئادەت قاتارلىق ئەھۋاللىرى بايان قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىستان توغرىسىدىكى مەلۇماتى ئەڭ تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تارقىلىپ يۈرگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغان ھالدا سەيلون (ھازىرقى سىرىلانكا)، جۇڭگو ۋە باشقا بەزى دۆلەتلەرنىڭ تەبىئىي شەرت-شارائىتى ۋە ئادەمگەرچىلىكىنى بايان قىلغان.

ئافرودىت

  • ئافرودىت[يەشمىسى:]يەنى «ئافرودىتا».

ئافرودىتا

  • ئافرودىتا[يەشمىسى:]Aphrodite) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى سۆيگۈ ۋە گۈزەللىك مەبۇدىسى. رىم ئەپسانىلىرىدە ۋېنىرا (Venus) دەپ ئاتىلىدۇ. باش خۇدا زېۋىس بىلەن دىئونې (Dione) دىن تۇغۇلغانمىش؛ يەنە بىر ئېيتىلىشىچە ئۇ دېڭىز كۆپۈكىدىن تۇغۇلغانمىش، ئۇنىڭ ئىسمى «دېڭىز كۆپۈكىدىن تۇغۇلغان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ئولمىپىپ تېغىدا پەيدا بولغاندا تەڭرىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بوپتۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزىگە جەلپ قىپتۇ. لېكىن زېۋىس ئۇنى ئىنتايىن سەت تۆمۈرچىلىك ۋە مېخانىكلار خۇداسى (ئوت خۇداسى) گېفىستقا ياتلىق قىلىپ قويۇپتۇ. ئۇ ئۇرۇش خۇداسى ئارېسنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن ئىشقىي مۇھەببەت پەرىشتىسى ئېروسنى تۇغۇپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ترويان شاھزادىسى پارسنىڭ «ئالتۇن ئالما» («ئەڭ گۈزەل مەبۇدە» گە سىمۋول قىلىنغان) نى ئافرودىتقا بېرىشكە ھۆكۈم قىلغىنىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ سپارتا پادىشاھى مېنېلائۇسنىڭ خوتۇنى ھېلېننى ئەپقېچىشىغا ياردەملىشىپ، ئاخىر يۇنانلىقلارنىڭ تروياغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانمىش. ئېگېي دېڭىزى رايونى ۋە يۇنان دۇنياسىدا ئافرودىتقا كەڭ كۆلەمدە چوقۇنۇش بارلىققا كەلگەن، بولۇپمۇ كولنىف شەھىرى، سىپرۇس ئارىلى ۋە سىتېرا (Cythera، پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى) ئارىلى قاتارلىق جايلار چوقۇنۇشنىڭ مەركىزى بولغان. ئافرودىتا ھەم مول ھوسۇل مەبۇدىسى بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ شەرقتىكى مەبۇدىلەرنى، مەسىلەن، مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى ئىستار (Isthar)، فىنكىيىدىكى ئاستارتې (Astarte) ۋە سۈرىيىدىكى ئاتارگاتېس (Atargates) قاتارلىقلارنى مەنبە قىلغان. «ئافرودىتا» غەرب ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە ئادەت بولۇپ قالغان تېام. مەشھۇر ھەيكەل «مېلوستىكى ئافرودىتا» (Aphroditeof Melos) يەنى «مېلوستىكى ۋېنىرا» (of Melos Venus) پارىژدىكى لوفى سارىيىدا ساقلانماقتا.

ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى

  • ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى[يەشمىسى:] ئافرىقىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەر ئۇيۇشتۇرغان قىتئە خاراكتېرلىك خەلقئارا تەشكىلات. 1963-يىلى 5-ئايدا ئافرىقىدىكى 31 مۇستەقىل دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ياكى ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئېفىئوپىيىنىڭ پايتەختى ئەددىس-ئەبېبەدە يىغىن ئۆتكۈزگەن. 25-مايدا «ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى نىزامنامىسى» نى ماقۇللاپ، قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. نىزامنامىگە ئىمزا قويغان كۈنى «ئافرىقا ئازادلىق كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن. 1980- يىلى 5-ئايغىچە ئەزا دۆلەتلەر جەمئىي 50 كە يەتكەن. نىزامنامىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى: ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇستەقىللىكىنى قوغداپ، بارلىق شەكىلدىكى مۇستەملىكىچىلىكنى ئافرىقىدىن پۈتۈنلەي تازىلاپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. دۆلەت باشلىقلىرى كېڭەشمىسى تەشكىلاتنىڭ ئالىي ئورگىنى بولۇپ، ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئۆز تەشكىلاتىنىڭ باش سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. مىنىستىرلار مۇدىرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ياكى ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن باشقا مىنىستىرلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم يىغىن ئۆتكۈزىدۇ، باشلىقلار كېڭەشمىسىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ ھەمدە باشلىقلار كېڭەشمىسىگە تەييارلىق قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. كاتىبات باشقارمىسى تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي مەركىزىي ئورگىنى. ئازادلىق كومىتېتى ئافرىقىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ ئافرىقىدىكى مۇستەقىل بولمىغان دۆلەتلەر مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە بېرىدىغان ياردەملىرىنى تەڭشەشكە مەسئۇل بولىدۇ. يەنە كېسىم كومىتېتى ۋە مەخسۇس كومىتېت قاتارلىق ئورگانلىرىمۇ بار. باش ئورگىنى ئەددىس-ئەبېبەدە قۇرۇلغان.

ئافرىقا دۆلەت باشلىقلىرى كېڭەشمىسى

  • ئافرىقا دۆلەت باشلىقلىرى كېڭەشمىسى[يەشمىسى:]تولۇق ئاتىلىشى ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى كېڭەشمىسى. «ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى» غا قاراڭ.

ئافرىقا، كارايىپ ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر گۇرۇھى

  • ئافرىقا، كارايىپ ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر گۇرۇھى[يەشمىسى:][非洲,加勒比和太平洋地区国家集团] تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى. 1975-يىل 6-ئاينىڭ 6-كۈنى گۋىئانانىڭ پايتەختى گېئورگېتاۋندا قۇرۇلغان. دەسلەپتە غەربىي ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى بىلەن «لومې كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان كامېرون، توگو، كونگو، گۋىئانا قاتارلىق 46 دۆلەت ئۇنىڭغا ئەزا بولغان.1980-يىلى 11-ئايدا ئەزا دۆلەتلەر 60 كە يەتكەن. تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى «لومې كېلىشىمى» نىڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئەزا دۆلەتلەر شۇنىڭدەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا سودا، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە سودا، تېخنىكا، سانائەت ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتلەردە ئاخبارات ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ رايون ئىچى ۋە ھەرقايسى رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دۇنيا ئىقتىسادىي تەرتىپى ئورنىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت. 1979-يىلى 10-ئايدا، بۇ گۇرۇھ ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق «لومې كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان. 1982-يىلى 3-ئايدا ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى كومىتېتى بۇ گۇرۇھتىكى دۆلەتلەرنى يېڭى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەشنى تەستىقلىغان. ئاساسلىق ئورگانلىرىدىن مىنىستىرلار مۇدىرىيىتى، باش ئەلچىلەر كومىتېتى ۋە كاتىبات باشقارمىسى قاتارلىقلار بار. 

ئافرىقا مۇستەقىل دۆلەتلەر كېڭىشى

  • ئافرىقا مۇستەقىل دۆلەتلەر كېڭىشى[يەشمىسى:] 1958-يىل 4-ئاينىڭ 15 — 22-كۈنلىرى گانانىڭ پايتەختى ئاككرادا ئۆتكۈزۈلگەن. گانا زۇڭلىسى ئىنكرۇمانىڭ تەشەببۇسى بىلەن چاقىرىلغان. كېڭەشكە گانا، ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى (مىسىر، سۈرىيە)، لىۋىيە، تۇنىس، ماراكەش، سۇدان، ئېفىئوپىيە ۋە لىبىرىيىدىن ئىبارەت ئافرىقىدىكى سەككىز مۇستەقىل دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان، شۇ چاغدا تېخى مۇستەقىللىككە ئىگە بولمىغان ئالجىرىيە، كامېرون قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ يىغىنغا قاتناشقان. كېڭەشتە ئافرىقا دۆلەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان دىپلوماتىيە سىياسىتى، ئافرىقىدىكى مۇستەقىل بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىستىقبالى، ئالجىرىيە مەسىلىسى، ئىرقىي مەسىلە، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغداش تەدبىرلىرى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ئالماشتۇرغان ھەمدە 11 تۈرلۈك قارار ماقۇللىغان. 1960-يىل 6-ئاينىڭ 14 — 24-كۈنلىرى ئېفىئوپىيىنىڭ پايتەختى ئەددىس-ئەبېبەدە ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن، ئۇنىڭغا ئافرىقىدىكى 20 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ۋە كۆزەتكۈچىلىرى قاتناشقان. يىغىن ئالجىرىيە خەلقىنىڭ كۈرىشىنى قوللاپ، جەنۇبىي ئافرىقا قوشما شتاتىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن، فرانسىيىنىڭ سەھرايى كەبىر ياكى ئافرىقىنىڭ باشقا زېمىنلىرىدا يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشنى چەكلەش ۋە ئافرىقا ئىقتىسادىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە قارار چىقارغان ھەمدە ئافرىقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇستەقىللىك-ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بىر ئالاھىدە فوند تەسىس قىلىشنى قارار قىلغان.

ئافرىكانوس

  • ئافرىكانوس[يەشمىسى:]Sextus Julius Africanus، مىلادى تەخمىنەن 180 — 250) تارىخشۇناس ۋە ساياھەتچى. لىۋىيىدە تۇغۇلغان. ئاسىيا، مىسىر ۋە ئىتالىيە قاتارلىق جايلاردا ساياھەت قىلىپ، كېيىن پەلەستىندىكى ئېممائۇس (Emmaus) شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەمدە بۇ شەھەرنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى بولغان. تەخمىنەن مىلادى 222-يىلى دىنىي ئەلچى سۈپىتىدە رىمغا بارغان. خرىستىئان دىنىي ئىلاھىيەت كۆز قارىشى بىلەن تارىخ يازغان. «يىلنامە» دېگەن بەش توملۇق ئەسىرى بار. ئۇنىڭدا «دۇنيانىڭ يارىتىلىشى» (ئۇ بۇ ئىشنى ئەيسا تۇغۇلۇشتىن 5499 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن دەپ قارايدۇ) دىن مىلادى 221-يىلغىچە بولغان تارىخنى بايان قىلغان. بۇ كىتابنىڭ كۆپ قىسمى يوقاپ كەتكەن، يۇسېبىئۇس ۋە باشقىلارنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ بەزى پارچىلىرى ساقلىنىپ قالغان. تۇنجى قېتىم خرىستىئان دىنى يىل ھېسابىنى قوللانغان. يىل ھېسابلاش ئۇسۇلى جەھەتتە مۇئەييەن دەرىجىدە تۆھپە قوشقان. ئۇ ئەڭ دەسلەپكى خرىستىئان دىنىي تارىخچىسى دەپ قارىلىدۇ.

ئافغان كارىدورى

  • ئافغان كارىدورى[يەشمىسى:]ۋاھان كارىدورى ياكى ۋاھان جىلغىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىدىكى تار ھەم ئۇزۇن جاي (شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 300 كىلومېتر، جەنۇبتىن شىمالغا ئەڭ تار جاي 15 كىلومېتر كېلىدۇ) بولۇپ، شەرق تەرىپى شىنجاڭ (جۇڭگو) بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ⅪⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەنگلىيە بىلەن روسىيە پامىر رايونىنى تالاشقان. 1873-يىلى ئەنگلىيە بىلەن روسىيە ئافغانىستان ۋە جۇڭگو ھۆكۈمەتلىرىدىن يوشۇرۇن ھالدا ئافغانىستاننىڭ شىمالدىكى چېگرىسىنى ئايرىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزگەن. كېلىشىمدە پەنج دەرياسى (ئامو دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى) ئافغانىستاننىڭ شەرقىي چېگرىسى بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. ئەنگلىيە چارروسىيىنىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشىنى توسۇش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئافغانىستاننى ئۆزىگە قاراشلىق ھىندىستان بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى پەسەيتكۈچى دۆلەتكە ئايلاندۇرماقچى بولغان. 1893-يىلى ئافغانىستاننى دامىغا چۈشۈرۈپ كېيىن ئافغان كارىدورى دەپ ئاتالغان تار ھەم ئۇزۇن بولغان بۇ جاينى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قوبۇل قىلدۇرغان ھەمدە ئۇنى ئامۇ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى لوسان بىلەن سىغناندىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تەلىپىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئافغان كارىدورى شەكىللەنگەن.

ئافغانىستان ئۇرۇشى

  • ئافغانىستان ئۇرۇشى[يەشمىسى:]يەنى «ئەنگلىيە-ئافغانىستان ئۇرۇشى». 

ئافېنا

  • ئافېنا[يەشمىسى:]Afhenai ياكى Afhens). قەدىمكى يۇناندىكى ئاساسىي شەھەر دۆلىتى. ئوتتۇرا گرېتسىيىدىكى ئاتتىكا يېرىم ئارىلىنىڭ مەركىزى. غەربىي قىرغىقىدىكى پىدائېئوس پورتى تەبىئىي ياخشى پورت بولۇپ، ئۇنى ئافېنا بىلەن «ئۇزۇن سېپىل» تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. دەسلەپكى ئاھالىسى غەيرىي يۇنان تىلىدىكى پلاسكىلار بولۇپ، مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىمالدىن بىر تۈركۈم ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ يۇنان تىلى تۈركۈمىگە كىرىدىغان ئىئونىيىلىكلەر كۆچۈپ كېلىپ، تەدرىجىي ھالدا يەرلىك ئاھالە بىلەن سىڭىشىپ كەتكەن. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ميىسېنېلارنىڭ تەسىر كۈچى ئاستىدا تۇرغان بولۇشى مۇمكىن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅷ ئەسىر (ياكى تېخىمۇ بالدۇر) دە، تېسۇس پادىشاھ بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، ئاھالىنى ئۈچ تەبىقە (ئاق سۆڭەكلەر، دېھقانلار، قول سانائەتچىلەر) گە ئايرىغان ھەمدە ئافېنانى مەركەز قىلىپ، ئاتتىكانىڭ بىرلىككە كەلگەن ھاكىمىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرغان. مىلادىدىن 683 يىل ئىلگىرى «پادىشاھلىق ھاكىمىيەت» ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىككىنچى يىلى ئارخون (ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ئەمەلدار) سايلاپ چىقىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅶ ئەسىردىن باشلاپ سىرتقا قارىتا مۇستەملىكىچىلىك قىلىپ، ئىچكى جەھەتتە باي-كەمبەغەللىك تېز بۆلۈنۈپ، سىنىپىي زىددىيەت چوڭقۇرلاشقان. مىلادىدىن 594 يىل ئىلگىرى سولون ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، قەرزدارلارنى قۇل قىلىشنى بىكار قىلىپ، پۇقرالار يىغىنىنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، دېموكراتىك سىياسىيغا ئاساس سالغان. پىستراتوس مىلادىدىن 560 يىل ئىلگىرى ھاكىمىيەت ئىگىلەپ، ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كۈچىگە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ زەربە بەرگەن. مىلادىدىن 509 يىل ئىلگىرى كلېئىستېنېس سايلام تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، دېموكراتىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئاخىر بەرپا قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان؛ مىلادىدىن 478 يىل ئىلگىرى دېلوس ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، ئېگېي دېڭىزى رايونىدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. پېرىكلېس ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 444 — 429)، پۇقرالار يىغىنى، بەش يۈز كىشىلىك يىغىن ۋە زاسېداتېللار سودىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، ئافېنا قۇلدارلىرىنىڭ دېموكراتىك سىياسىيسىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرگەن. قۇللۇق تۈزۈمنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت-سەنئىتىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، سپارتا بىلەن يۇنانغا خوجا بولۇش ھوقۇقىنى تالىشىپ (پېلوپوننېسۇس ئۇرۇشى) مەغلۇپ بولغان، دېلوس ئىتتىپاقى يىمىرىلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، سپارتا ۋە تېبېس قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرى بىلەن داۋاملىق ئېلىشقان؛ دېڭىزدىكى ئىتتىپاقنى قايتىدىن قۇرغان بولسىمۇ، ئۇزۇنغا قالماي يەنە پارچىلىنىپ كەتكەن. يەنە ماكېدونىيىگە قارشى ئىتتىپاق ئۇيۇشتۇرغان؛ كادونېيە جېڭىدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 338) مەغلۇپ بولۇپ، ماكېدونىيە پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رىم زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. رىم بىلەن مىترىدات Ⅵ (پونتوس شاھى) ئۇرۇشقان مەزگىلدە، مىلادىدىن 86 يىل ئىلگىرى ئافېنا رىم قوشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە ئافېنا تېخىمۇ خارابلاشقان. ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى ئافېنادىن نۇرغۇن قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇملىرىنى توشۇپ كېتىپ، كونستانتىنوپولدىكى پادىشاھ ئوردىسىغا تىزىۋالغان. قەدىمكى زاماندىكى ئافېنا تىپىك قۇللۇق تۈزۈمىدىكى دۆلەت (شەھەر دۆلىتى) دەپ تونۇلۇپ، ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى پەقەت ئەينى زاماندىكى يۇنان دۇنياسىغىلا ئەمەس، بەلكى رىم ۋە كېيىنكى زاماندىكى ياۋروپاغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. «يۇنان مەدەنىيىتى (قەدىمقى زامان)» غا قاراڭ.

ئافېنا

  • ئافېنا[يەشمىسى:]Afhene ياكى Afhena). قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى دانالىق مەبۇدىسى، ئافېنا شەھىرىنىڭ ھامىيسى ۋە مەبۇدىسى. رىم ئەپسانىلىرىدە مىنېرۋا دەپ ئاتىلىدۇ. زىۋىس بىلەن پاراسەت مەبۇدىسى مېتىس (Metis) نىڭ قىزى. ئېيتىلىشىچە، زىۋىس ئايالى مېتىسنىڭ ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان، كەلگۈسىدە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان (زىۋىسنىڭ ئۆزى دادىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇۋەتكەنىدى) بالا تۇغۇشىدىن قورقۇپ، ھامىلىدار مېتىسنى ئىچىگە يۇتۇۋالغان، كېيىن بېشىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئاغرىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، ھۈنەرۋەنچىلىك تەڭرىسى (ئوت ئىلاھى) گە مىس پالتا بىلەن بېشىنى يېرىشنى بۇيرۇغان، پۈتۈن ئۈستبېشىغا ساۋۇت كىيگەن ئافېنا چۇقان سالغان پېتى ئۇنىڭ بېشىدىن سەكرەپ چۈشكەن. ئافېنا كۈچ-قۇۋۋەت ۋە دانالىقنىڭ نامايەندىسىگە ئايلانغان. ئۇ يەنە پاللاس (Pallas) دەپمۇ ئاتالغان. بۇ ئەسلى ئۇنىڭ بىر قىز دوستىنىڭ ئىسمى بولۇپ، بىر قېتىملىق ماھارەت كۆرسىتىشتە ئۇنى بايقىماي يارىدار قىلىپ قويۇپ، ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان، كېيىن ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئىسمىنى ئۆزىگە قويۇۋالغان. ئافېنا يۇنانلىقلارغا توقۇمىچىلىق، مېتال ئېرىتىش، كېمە ياساش، ساپال قاچىلارنى ياساش، نەققاشلىق قاتارلىق نۇرغۇن ھۈنەرلەرنى ئۆگىتىپ، يۇنانلىقلارنىڭ چوڭقۇر ئېتىقاد قىلىشىغا ئېرىشكەن. بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقان، مەسىلەن: يۇنانلىقلار تروياغا ئاتلانغاندا، ئۇرۇشقا ياردەم بەرگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ دېڭىز خۇداسى پوسېيدون بىلەن ئافېنا شەھىرىنى تالىشىپ، مول ھوسۇل بىلەن تىنچلىققا سىمۋول قىلىنغان بىر تۈپ زەيتۇن دەرىخىنى ياساپ چىقالىغانلىقتىن غەلىبە قىلغان؛ ئافېنالىقلار ئۇنىڭغا ئىنتايىن چوقۇنۇپ، ئۆز شەھىرىنىڭ نامىنى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىغان، قەدىمكى ئافېنا شەھىرىنىڭ مەركىزىگە ئۇنىڭ غايەت زور ھەيكىلى ئورنىتىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردە ياسالغان پارتېنون ئىبادەتخانىسى ئافېناغا نەزىر-چىراغ قىلىنىدىغان ئاتاقلىق ئىبادەتخانا بولۇپ، ئۇنىڭدىكى فېيدىياس تەرىپىدىن ئالتۇن ۋە پىل چىشىدىن ياسالغان جەڭگىۋار ئافېنا ھەيكىلى قەدىمكى يۇنان سەنئىتىنىڭ نادىر ئەسىرى دەپ قارىلىدۇ. 

ئافېنا زاسېداتېللار يىغىنى

  • ئافېنا زاسېداتېللار يىغىنى[يەشمىسى:]قەدىمكى ئافېنا دۆلىتىنىڭ ئەڭ ئالىي ئەدلىيە ئورگىنى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە، سولون ئىسلاھاتى مەزگىلىدە تەسىس قىلىنغان. پۇقرالار بۇ يەردە دەۋالىشالايدۇ ياكى يۇقىرىغا ئەرز-شىكايەت قىلالايدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى كلېستېنېس دەۋرىدە ئۇ دىكاستېرسون (dikasterion) دەپمۇ ئاتالغان. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا (ئېفئالتېس ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە) ئۇنىڭ ھوقۇقى كېڭەيتىلىپ، ئەسلىدە ئاقسۆڭەكلەر يىغىنىنىڭ بەزى ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى جەمئىي 6000 نەپەر (5000 نەپەر رەسمىي زاسېداتېل، 1000 نەپەر زاپاس زاسېداتېل) بولۇپ، ھەر يىلى 30 ياشقا تولغان پۇقرالار ئىچىدىن چەك تارتىش ئارقىلىق سايلاپ چىقىلغان؛ 10 كومىتېت تەشكىل قىلىنىپ، نۆۋەت بىلەن ۋەزىپە ئىجرا قىلغان. كونسۇل ھەرقانداق دەۋا دىلوسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن زاسېداتېللارنىڭ تېرگاۋ قىلىشىدىن ئۆتكۈزگەن، زاسېداتېللارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىلغان دىلو ئۈستىدە يۇقىرىغا ئەرز قىلىش ھوقۇقى بولغان. زاسېداتېللار يىغىنى يەنە بەزى مۇھىم دۆلەت ئىشلىرى دىلوسى ۋە ۋەزىپىنى ئادا قىلماسلىق دىلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىگە نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن. ئارىستوتېل زاسېداتېللار يىغىنى ئافېنا ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ دېموكراتىك خاراكتېرىنى ئەڭ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ، دەپ قارىغان.

ئافېنانىڭ سىياسىي تۈزۈمى

  • ئافېنانىڭ سىياسىي تۈزۈمى[يەشمىسى:]كىتاب نامى. قەدىمكى يۇنان ئالىمى ئارىستوتېلنىڭ ئەسىرى. مىلادىدىن 329 — 328 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا يېزىلغان. كېيىن ئۇزاق مۇددەت نامى يوقىلىپ كەتكەن. 1890-يىلى مىسىردا پاپىروس قەغىزىگە يېزىلغان كىتابلار ئىچىدىن ئۇنىڭ بىرقەدەر مۇكەممەل ئەسلى نۇسخىسى تېپىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر ئىچىدە چوڭ ئىش دەپ قارالغان. بۇ كىتابتا ئاساسەن قەدىمكى يۇناندىكى ئافېنا شەھەر دۆلىتىنىڭ سىياسىي تۈزۈمى بايان قىلىنغان، ئۇنىڭ تەرتىپى ئېنىق، مەزمۇنى مول، دەلىل كەلتۈرۈلگەن ئىپتىدائىي ماتېرىياللار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاپتورنىڭ يەنە بىر داڭلىق ئەسىرى — «سىياسەتنامە» گە باھا بېرىش ۋە قەدىمكى ئافېنانىڭ سىياسىي تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا زور قىممەتكە ئىگە، يەنە كىشىلەرنىڭ ئېنگېلسنىڭ «ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى» دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇپ تەتقىق قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بار.

ئافېنا ئون گېنېرال يىغىنى

  • ئافېنا ئون گېنېرال يىغىنى[يەشمىسى:] قەدىمكى ئافېنانىڭ ئەڭ ئالىي ھەربىي ئاپپاراتى. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، كلېستېنېس ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تەسىس قىلىنىپ، ھەر يىلى ئون قەبىلىنىڭ ھەر بىرىدىن بىر نەپەر گېنېرال (ستراتېگوس - Strategos) سايلىنىپ تەشكىل قىلىنغان. دەسلىپىدە ھەر بىر گېنېرالنىڭ ھوقۇقى باراۋەر بولۇپ، ھەربىي چوڭ ھوقۇقنى نۆۋەت بىلەن ئىگىلىگەن. يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشىدا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا) ئۇنىڭ رولى پەيدىنپەي كۈچىيىپ، ئەسلىدىكى ئارخوننىڭ رولى مۇناسىپ ھالدا ئاجىزلىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، پېرىكلېس ئۇدا 15 يىل باش گېنېراللىققا سايلىنىپ، ئەڭ ئالىي ھەربىي ھوقۇق ۋە بەزى مەمۇرىي ھوقۇقلارنى ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتتىكى دۆلەت باشلىقىغا ئايلانغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردە، پۇقرالار يىغىنى ئاۋازغا قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ھەرقايسى گېنېراللارنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىنى بەلگىلەپ بەرگەن.

ئافېنا ئۇزۇن تېمى

  • ئافېنا ئۇزۇن تېمى[يەشمىسى:]«ئافېنا سېپىلى» دەپمۇ ئاتالغان. قەدىمكى ئافېنانىڭ مۇداپىئە سېپىلى. ئادەتتە ئافېنا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىي ئۇچىدىن پىرئېئۇس (Piraeus) پورتىغا تۇتاشقان ئۇزۇن تام ئىستىھكامنى كۆرسىتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردە، پېرىكلېس ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە ياسالغان. جەنۇبىي تام بىلەن شىمالىي تام ئاساسەن پاراللېل بولۇپ، شەھەر ئىچىدىن دېڭىزغا سوزۇلغان تۈز يولدىن ئىبارەت. بۇ تامنى سېلىشتىكى مەقسەت تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت تاجاۋۇز قىلىشىدىن مۇداپىئەلىنىش ھەمدە ئافېنا ئۆزىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئۈستۈنلۈكىنى جارىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، سپارتا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پېلوپوننېسۇس ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرى 431 — 404) دا مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، سپارتانىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۇزۇۋېتىلگەن. ئافېنا شەھىرىدىن فالېرۇم (Phalerum، پىرائېئۇسنىڭ شەرقىدە) پورتىغا بارىدىغان يەنە بىر ئۇزۇن تام بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھىملىقى ئالدىنقىسىغا يەتمەيدۇ؛ بەزىدە كېيىنكىسى جەنۇبىي ئۇزۇن تام دەپ، ئالدىنقىسىنىڭ جەنۇبىي ئۇزۇن تېمى بولسا ئوتتۇرا ئۇزۇن تام دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تېمىستوكلېس ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە)، پېرسىيىلىكلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئافېنا شەھىرى ۋە پىرائېئۇس پورتى، فالېرۇم پورتى ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان ئۇزۇن تاملار ياسالغان.

ئافېنىئون

  • ئافېنىئون[يەشمىسى:]Afhenion، مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 101). قەدىمكى رىمدىكى ئىككىنچى قېتىملىق سىتسىلىيە قۇللار قوزغىلىڭىنىڭ سەردارى. چىلىچىيىلىك. سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى لىلىبائېئۇم (Lilybaeum) شەھىرىدە قۇل بولغان. مىلادىدىن 104 يىل ئىلگىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، سارۋىئۇس (Sarvius) رەھبەرلىك قىلغان يەنە بىر قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بىلەن ترىئوكالا (Triocala، سىتسىلىيىنىڭ غەربىي قىسمىدا) دا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ ياردەمچىسى بولغان. ھەربىي تالانتى يۇقىرى بولۇپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، قاتناشنى ئۈزۈپ، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە زەربە بېرىپ، ھۆكۈمرانلارنى چۆچۈتۈۋەتكەن. مىلادىدىن 101 يىل ئىلگىرى رىمنىڭ كونسۇلى ئاكۇيلىئۇ ترسوكالاغا ھۇجۇم قىلغاندا (بۇ چاغدا سارۋىئۇس شاھ ئۆلگەنىدى)، مۇۋەققەت شاھ بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ قۇربان بولغان. شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.

ئاقارتىش دەۋرى تارىخشۇناسلىقى

  • ئاقارتىش دەۋرى تارىخشۇناسلىقى[يەشمىسى:] ئومۇمەن ⅩⅧ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى ھارپىسىغىچە بولغان دەۋردىكى غەرب تارىخشۇناشلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى: تارىخىي تەتقىقات ساھەلىرى كېڭەيگەن، ئىقتىسادىي ئامىللار بىلەن مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ تارىخى تەرەققىيات داۋامىدىكى رولىغا ئەھمىيەت بېرىلگەن؛ راتسىئونالىزمنى (ئىدراكچىلىق) نى جاكارلاپ، ئۆتمۈشتىكى تەييار ئىبارىلەرنى ئىنكار قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان بولغان؛ تارىخ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ راۋاجلىنىش جەريانى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشكە باشلاپ، ئىنسانلار پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان؛ بۇرژۇئا تارىخشۇناسلىرى تارىخنى بۇرژۇئازىيىنىڭ سىياسىي كۈرەش قىلىش ۋاسىتىسى دەپ قارىغان. ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى فرانسىيە بولغان، تارىخشۇناسلىقتىمۇ شۇنداق. مونتېسكيۇ بىلەن ۋولتېر غەرب بۇرژۇئا تارىخشۇناسلىقىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئەنگلىيە تارىخشۇناسى گىببون يازغان «رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇش تارىخى» ئاقارتىش دەۋرى تارىخشۇناسلىقىدىكى ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ بەلگىسى. سىليۇسېر (August Ludwig Von Schlozer، 1735 — 1809) ئاقارتىش دەۋرىدىكى گېرمانىيىلىك مۇھىم تارىخشۇناس. بۇ باسقۇچتىكى تارىخشۇناسلىقىنىڭ يەنە بىر مۇۋەپپەقىيىتى يېقىنقى زامان غەرب پەلسەپىسىنىڭ باش كۆتۈرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۇنجى قېتىم جەمئىيەت تەرەققىيات قانۇنىنى تېپىشقا ئىنتىلگەن پەيلاسوپ ئىتالىيىلىك ۋىكو، گېرمانىيىلىك ھېلىت، فرانسىيىلىك كوندورىسې قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بەزى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلىك جەمئىيەت تارىخى تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىنى ئىزدەپ تېپىشقا ئىنتىلگەن. ئاقارتىش دەۋرىدىكى تارىخشۇناسلىق گۇمانىزملىق تارىخشۇناسلىقنىڭ ئۇتۇقلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغان، بۇ، بۇرژۇئا تارىخشۇناسلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىر تىكلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئاقارتىش ھەرىكىتى

  • ئاقارتىش ھەرىكىتى[يەشمىسى:]ⅩⅧ ئەسىردىكى ياۋروپا بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئىدېئولوگىيە، مەدەنىيەت ھەرىكىتى. فېئودالىزمدىن كاپىتالىزمغا قاراپ ئۆتۈۋاتقان ئۆتكۈنچى دەۋرىدە، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيە مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى مۇتەپەككۇرلار فېئوداللىق ئىدېئولوگىيىنى ئومۇميۈزلۈك تەنقىد قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى ئەنئەنىۋى بىر تەرەپلىمە قاراش، ئىلاھىيەت (تېنولوگىيە) ئەقىدىلىرى، خرىستىئان چېركاۋى ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ بويونتۇرۇقىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىش كويىدا بولغان. ⅩⅧ ئەسىردىكى تەبىئىي پەن ۋە پەلسەپىنىڭ ئۇتۇقلىرى ئاساسىدا، ئاقارتقۇچى ئالىملار: خۇددى نيۇتوننىڭ ئۇنىۋېرسال تارتىش كۈچى قانۇنىنى كەشپ قىلغىنىغا ئوخشاش، كىشىلەرمۇ ئىدراكىي كۈچىگە تايىنىپ، تەبىئەت، ئىنسانىيەت ۋە جەمئىيەتنىڭ قانۇنىيىتىنى كەشپ قىلىپ، بەخت-سائادىتىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ؛ ئۇلار ئىدراك، دىنىي سەۋر-تاقەت ۋە ئىلغار قاراش ئارقىلىق ھازىرقى ئەھۋالنى ساقلاپ قالغۇچى كونا قاراشقا ھۇجۇم قىلىپ، ئىدىيىنى كىشەنلەپ قويىدىغان ۋە ئەركىنلىكنى باسىدىغان بارلىق دىنىي ئەقىدە ۋە تۈزۈمگە قارشى تۇرغان؛ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار مۇتەپەككۇرلار دىنىي جەھەتتە ئاتېئىزمنى (خۇداسىزلىق)، پەلسەپە جەھەتتە ماتېرىيالىزمنى، سىياسىي جەھەتتە دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمنى، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆز ئەركىگە قويۇپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئاقارتىش ئىدىيىسى دىن، پەلسەپە، ئېتىكا، ئىقتىسادشۇناسلىق، پولىتىكا، تارىخشۇناسلىق، ئېستېتىكا قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرگە بېرىپ چېتىلغان، ھەر خىل تەلىمات سىستېمىلار ۋە نۇرغۇنلىغان مەشھۇر ۋەكىللىك خاراكتېردىكى شەخسلەر مەيدانغا كەلگەن، مەسىلەن، ئەنگلىيىلىك ئادىسون(Joseph Addiso، 1672— 1719)، ستېل (Richard steele، 1672— 1729)، سۋىفت (Swift)، پوپې (Alexander Рope، 1688—1744)، گېرمانىيىلىك مېندېلسون(Moses Mendelssohn، 1729 — 1786)، لېنېگ ھېلىت، ئىتالىيىلىك بىككارىيا، ۋىكو، ئامېرىكىلىق پىئىن، جېففېرسون، فرانكلن، روسىيىلىك بېلىنىسكىي، گېرتسېن، چېرنىشېۋىسكىي قاتارلىق كىشىلەردىن ئىبارەت. بىراق، ھەرىكەتنىڭ مەركىزى فرانسىيىدە بولۇپ، ۋولتېر، مونتېسكيۇ، رۇسسو ھەمدە دىدېرو ۋەكىللىكىدىكى قامۇسچىلار گەۋدىلىك رول ئوينىغان. ھەرىكەتنىڭ تەسىرى چوڭقۇر بولۇپ، ئەينى زاماندىكى كىشىلەر «ئاقارتىش دەۋرى» دېگەن ئۇقۇمنى قوللىنىشقا باشلاپ «زۇلمەتلىك ئوتتۇرا ئەسىرچىلىك» بىلەن قارىمۇ قارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. فرانسۇزچە، Siecle bes Lumieres، نېمىسچە Zeit Der Aufklaruhg ئىنگلىزچە Age of Enlightenment لارنىڭ ئەسلى مەنىسى ئومۇمەن «يورۇقلۇق ئارقىلىق قاراڭغۇلۇقنى يورۇتۇش» دېگەننى بىلدۈرگەن. كەڭ مەنىدىن ئالغاندا ئاقارتىش ھەرىكىتى يالغۇز ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى دۇنياۋى خاراكتېرلىك ئومۇمىي تارىخى ھادىسە بولۇپ قالغانىدى.

ئاق تەنلىكلەر ئاۋسترالىيىسى سىياسىتى

  • ئاق تەنلىكلەر ئاۋسترالىيىسى سىياسىتى[يەشمىسى:]ئەنگلىيىنىڭ ئاۋسترالىيىگە رەڭلىك ئىرقلارنىڭ كۆچۈپ كېلىشىنى چەكلەشتىن ئىبارەت ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى. ئەنگلىيە ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن تارتىپ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاۋسترالىيىگە كېلىپ ئالتۇن كولىشىنى چەتكە قاققان. ۋېكتورىيە قاتارلىق مۇستەملىكە رايونلاردا ئارقا-ئارقىدىن رەڭلىك ئىرقلارنىڭ كىرىشىنى چەكلەش پەرمانلىرى جاكارلىنىپ، قۇرۇقلۇققا چىققان جۇڭگولۇق ئىشچىلارنىڭ سانىنى بەلگىلىگەن، نوپۇس بېجىنى ئېغىرلاتقان. 1881-يىلى مۇستەملىكە رايونلار ئارا كېڭەشمىدە جۇڭگولۇقلارنى چەكلەش مەزمۇن قىلىنغان ئوخشاش ماددىلار بېكىتىلگەن. 90-يىللارغا كەلگەندە بۇ خىل چەكلەش دائىرىسىگە تىنچ ئوكيان ئاراللىرىدىن كېلىدىغان رەڭلىك ئىرقتىكى ئىشلەمچىلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن. 1897-يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكە زېمىنلەر ۋەزىرى جۇزىف چېمبېرلىن «ئاڭلاش-يېزىش سىنىقى» چارىسىنى يولغا قويۇپ غەيرىي ياۋروپا كۆچمەنلىرىنى چەكلىگەن. 1901-يىلى ئاۋسترالىيە ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى كۆچمەنلەر پەرمانىنى ماقۇللاپ، يۇقىرىقى چارىنى ئىجرا قىلىش بىلەن «ئاق تەنلىكلەر ئاۋسترالىيىسى» سىياسىتىنى قانۇنىيلاشتۇرغان، ھەتتا بالدۇر كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان رەڭلىك ئىرقتىكى كىشىلەرنى چېگرىدىن ھەيدەپ چىقارغان، ئەنگلىيە كۆچمەنلىرىگە بولسا قوشۇمچە ياردەم بەرگەن. 1921-يىلى دېڭىز-ئوكيان قاتنىشى قانۇنى ماقۇللىنىپ، دېڭىز قىرغىقى ترانسپورتىدا رەڭلىك ئىرقتىكىلەرنى ياللاش مەنئى قىلىنغان. «ئاڭلاش-يېزىش سىنىقى» تاكى 1958-يىلى كۆچمەنلەر توغرىسىدىكى قانۇن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا ئاندىن بىكار قىلىنغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 1945-يىلىدىن كېيىن «ئاق تەنلىكلەر ئاۋسترالىيىسى سىياسىتى» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ئېغىزغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ سىياسەتتە ئاشكارا چىڭ تۇرۇش تەشەببۇسى ھازىرغىچە مەۋجۇت.

ئاقچىخانا

  • ئاقچىخانا[يەشمىسى:]ياپونىيىنىڭ ئېدوگاۋا دەۋرىدىكى ئاقچا قويۇش ئورگىنى. 1636-يىلى (كۇەنيوڭنىڭ 13-يىلى)، شوگنات ئېدوگاۋا، ئومىلاردا ئاقچا قويىدىغان ئورۇنلار تەسىس قىلىنغان، كېيىن مىتو، سېنداي، يوشىدا، ماتسۇموتو، كودا، سۇمپۇ (ھازىرقى شىزۇكاۋا ناھىيىسى) ۋە باشقا جايلاردا ئاقچا قويۇش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنغان. ئاقچا قويۇشنى ھۆددىگە ئالغان سودىگەرلەر قويغان ئاقچىنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى تىجارەت بېجى قاتارىدا تاپشۇرغان. 1765-يىلى (مىڭخېنىڭ 2-يىلى) شوگنات تىللاخانىدىكى گوتوسوساپۇروغا ئاقچا قويۇش، ئاقچا قويىدىغان ئورۇنلارنى تەسىس قىلىشنى بۇيرۇغان. ئەنيۇڭ يىللىرى (1772 — 1780) دىن كېيىن، يېڭىدىن ئاقچىخانا تەسىس قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. كېيىن بىر تىيىنلىق ئاقچىنى تىللاخانا قويغان، تۆت تىيىنلىق ئاقچىنى ياچەنخانا قويغان، مېجى يېڭىلىقىدىن كېيىن يەنە تەرتىپكە سېلىنغان.

ئاقساقاللار كومىتېتى

  • ئاقساقاللار كومىتېتى[يەشمىسى:]بۇلغارىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى جەريانىدىكى كونسېرۋاتىپ تەشكىلات. 1866-يىلى بۇلغارىيەدىكى بۇرژۇئازىيىنىڭ روسىيە پەرەسلىرى بۇخارېستتا قۇرغان. بۇلغارىيىدە ئىسلاھاتچىلىقنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق تۈركىيە فېئودال ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا قارشى تۇرغان. ئۇلارنىڭ بۇ خىل كونسېرۋاتىپلىق سىياسىتى بۇلغارىيىدىكى ياش ئىنقىلابچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ ئورنىغا بۇلغارىيە مەركىزى ئىنقىلابىي كومىتېتى دەسسىگەن. 

ئاقساقاللار كېڭىشى

  • ئاقساقاللار كېڭىشى[يەشمىسى:]ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەتتىكى قەبىلە ياكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ تەشكىلىي ئورگانلىرىنىڭ بىرى. شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلارنىڭ ئىروكىس (Iroquois) قەبىلىسىنىڭ ئاتامانلار يىغىنى، ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمىدىكى قەدىمكى گرېكلارنىڭ كېڭەش يىغىنى ۋە قەدىمكى رىمنىڭ سىناتىقاتارلىقلار مۇشۇنىڭغا كىرىدۇ. ئادەتتە ھەرقايسى ئۇرۇق باشلىقلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆپىنچە ئۆمۈرلۈك بولىدۇ. ئۇلار ئۆز ئىچىگە قارىتا ئۆز قەبىلىسىنىڭ ئەنئەنىسىنى ۋە ئۆز ئۇرۇقىنىڭ قائىدىلىرىنى قوغداش، ماجىرالارنى ھەل قىلىش، بۇيرۇق ئېلان قىلىش، ئاتامانلارنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە. سىرتقا قارىتا قەبىلىگە ۋەكالىتەن ئۇرۇش ئېلان قىلىش ياكى سۈلھ قىلىش، ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە ئەۋەتىش، شۇنداقلا باشقا مۇھىم ئىشلارنى ھەل قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدا تۇرغان ئىروكىس قەبىلىسىنىڭ ئاتامانلار كېڭىشى كەڭ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولغان. گومېر دەۋرىدىكى گرېكلارنىڭ كېڭەش يىغىنى ياكى خانلىق ھاكىمىيەت دەۋرىدىكى رىمنىڭ سىناتى، خەلق كېڭىشى بىلەن بىرگە ھەممىسى ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمىدىكى ئورگان بولۇپ، دۆلەتنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت ئورگانلىرىغا ئايلانغان. ئۇنىڭدا قەتئىي سىنىپىي خاراكتېر بولۇپ، قۇلدار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئەمەلىي ھوقۇق تۇتقان.

ئاقسۇم

  • ئاقسۇم[يەشمىسى:]Aksum ياكى Axum) ئېفىئوپىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە ھازىرقى ئېفىئوپىيىنىڭ تىگرس ئۆلكىسىدە باش كۆتۈرگەن. شىمالىي قىسىمدىكى شەھەر دۆلەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن ئېفىئوپىيە ئېگىزلىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا كېڭەيگەن. يۇنان، رىم، مىسىر، ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە ھىندىستان بىلەن سودا-سېتىق قىلىشقان. مىلادى Ⅳ ئەسىردە ئومۇميۈزلۈك گۈللەنگەن. پادىشاھ ئېزانا (Ezana ياكى Ezanus) تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، يەمەننى قوشۇۋالغان، مېروۋېنى يوقاتقان. خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ ، خرىستىئان دىنىنىڭ بىر ماھىيەتچىلىك مەزھىپىنى دۆلەت دىنى قىلغان. ئەرەب ئىمپېرىيىسى قىزىل دېڭىزنى كونترول قىلىپ، مىسىرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ تەدرىجىي ئاجىزلاشقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا Ⅹ ئەسىردە ئايال پادىشاھ ئەسەد تەرىپىدىن يوقىتىلغان.

ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى

  • ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى[يەشمىسى:]1869 — 1947-يىللاردىكى ياپونىيىدىكى پادىشاھ جەمەتىدىن باشقا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئومۇمى نامى. ئەسلىدە ئوردا تۆرىلىرىدىن سېكا جەمەتى (سانجو، سايئونجى، توكودايجى قاتارلىق توققۇز جەمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى كۆرسەتكەن. 1869-يىلى 6-ئايدا، مېيجى ھۆكۈمىتى ھەرقايسى ۋاسساللارنى زېمىن ۋە ئاھالىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇپ ھەمدە كونا تۆرە، كونا چوڭ خوجىلارنى بىردەك ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى دەپ ئاتاشقا ئۆزگەرتكەن. 1884-يىلى7-ئايدا، «ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى پەرمانى»نى جاكارلاپ كونا ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىدىن باشقا يېڭىلىققا كۆچۈشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى «تۆھپىكارلار» نى، يەنى يېڭى ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىنىمۇ ئۇنىڭغا قوشۇۋەتكەن. يېڭى-كونا ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىگە ئائىلە ۋە تۆھپىسىگە قاراپ كىنەز، ماركىز، گراف، ۋىكونت، بارون قاتارلىق بەش دەرىجىلىك ئۇنۋان بەرگەن. 1907-يىلىدىن باشلاپ پادىشاھ جەمەتىدىن ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىگە چۈشۈرۈلگەنلەرنىمۇ بۇنىڭغا قوشقان. 1939-يىلى مەملىكەت بويىچە جەمئىي 19 كىنەز، 41 ماركىز، 109 گراف، 370 ۋىكونت، 406 بارون بولغان. ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى پادىشاھ جەمەتىدىن تۆۋەن، سامۇرايلار جەمەتىدىن يۇقىرى بولۇپ، بىرمۇنچە ئىمتىيازغا ئىگە بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن 1947-يىلى بىكار قىلىنغان.

ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشى

  • ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشى[يەشمىسى:]چاۋشيەندىكى سىللا دۆلىتى ئاقسۆڭەكلەر سىنىپىنىڭ ئالىي كېڭىشى. ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىكى ئۇرۇق باشلىقلىرى كېڭىشىدىن كېلىپ چىققان. تەبىقە تۈزۈمى ئاستىدا، ئىككىنچى تەبىقىدىكى ئاقسۆڭەكلەر — «ھەقىقىي ئاقسۆڭەكلەر» دىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مۇھىم دۆلەت ئىشلىرىنى ۋە پادىشاھنى سايلاپ چىقىشنى قارار قىلاتتى، قارارغا ھەممە ئەزالار بىردەك قوشۇلۇشى كېرەك ئىدى. بىر كىشى باشقىچە پىكىردە بولسا ئەمەلدىن قالدۇرۇلاتتى. كورىيە دەۋرىدىكى مەركىزىي كېڭەش مەھكىمىسى، لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى كېڭەش ھۆكۈمىتى قاتارلىقلار سىللا دەۋرىدىكى بۇ تۈزۈمنىڭ داۋاملىشىشىدىن ئىبارەت.

ئاقسۆڭەكلەر ئىتتىپاقى

  • ئاقسۆڭەكلەر ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] 1565-يىلى نېدېرلاند ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشقان ئىتتىپاق. ئىسپانىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ نىڭ نېدېرلاندقا يۈرگۈزگەن ئىستىبداتلىق ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. 1566-يىل 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، مەزكۇر ئىتتىپاق باش ۋالىي مارگارېتقا مۇراجىئەتنامە يوللاپ، دىنىي سوتىنىڭ ھەرى- كەتلىرىنى توختىتىپ، نېدېرلاندىيىنىڭ تېخىچە بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئىمتىيازىنى ساقلاپ قېلىشنى، ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈپ جاۋاب بەرمىگەن. ئىتتىپاق ئاستا-ئاستا كالۋىنچى بۇرژۇئازىيە بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. 1566-يىلى مۇقەددەس بۇتلارنى چېقىش ھەرىكىتى پارتلىغاندىن كېيىن، ئىتتىپاق خەلق ئاممىسىنىڭ قوزغىلىپ كېتىشىدىن قورقۇپ، مارگارېت بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەن.

ئاق فوسفور سەرەڭگىچىلەر

  • ئاق فوسفور سەرەڭگىچىلەر[يەشمىسى:] ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان رادىكاللار. 1835-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى تانمون زالىدا چاقىرىلغان يىغىندا، رادىكاللار جاكىسونىنىڭ سىرتقا قارىتا ئۇرۇش قىلىش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشنى، دۆلەتنىڭ شتات بانكىسىنى ۋە مونوپول تەشكىلاتلارنى تولۇقلىشىغا قارشى تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ چاغدا يىغىن مەيدانىدىكى گاز چىراغ ئۆچۈپ قېلىپ، يىغىن قاتناشچىلىرى سەرەڭگە ۋە شام ياندۇرۇپ يىغىننى داۋاملاشتۇرغان، شۇڭا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1836-يىلى ھوقۇقتا باراۋەرلىك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئۇ شتات بانكىسى بىلەن مونوپول تەشكىلاتلارنىڭ ئىمتىيازىغا قارشى تۇرۇش، قەغەز پۇل تارقىتىشنى ۋاقىتلىق توختىتىش، ئەمگەك ئىتتىپاقى قانۇنىنى قوغداشقا ئىگە بولۇش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلغان. 1838-يىلى بۇ گۇرۇھ دېموكراتلار پارتىيىسىگە يېڭىباشتىن كىرگەن.

ئاق قويۇنلۇ

  • ئاق قويۇنلۇ[يەشمىسى:] «ئاق قويۇنلۇق خاندانلىقى»غا قاراڭ.

ئاق قويۇنلۇق (ئاي قوي) خاندانلىقى

  • ئاق قويۇنلۇق (ئاي قوي) خاندانلىقى[يەشمىسى:] ئىراندا ⅩⅤ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قۇرۇلغان فېئودال خاندانلىق. تۈركمەن قەبىلىلىرى قۇرغان.ئۇلارنىڭ بايرىقىغا ئاق قوي (تۈركچە Ak Koyunlu) سۈرىتى چۈشۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. تېگىر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى دىيار بەكر (Diyar Bakr) رايونىدا باش كۆتۈرۈپ چىققان. ئىسلام دىنى سۈننىي مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان. ئۇزۇن ھاسان (Uzun Hasan) ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە (1453 — 1478) دۆلىتى قۇدرەت تاپقان. 1468 -يىلى قارا قويۇنلۇق خاندانلىقىنى يوقىتىپ، ئەرمەنىستان، ئەزەربەيجان، ئىراق ۋە ئىراننىڭ غەربىي قىسمىنى ئىگىلىۋالغان. تەبرىز شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. غەربتە ۋېنېتسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ يېڭىلگەن. شەرقتە خۇراساندىكى تېمور ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانىنى يەڭگەن. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە سۇلتان ئەلۋەند (Alwand) بىلەن سۇلتان مۇراد(Murad) دۆلەت زېمىنىنى بۆلۈشۈۋېلىپ، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمەنىستاننى سۇلتان ئەلۋەند، ئىراننىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمىنى سۇلتان مۇراد ئىگىلىگەن. ئاق قويۇنلۇق خاندانلىقى 1502-يىلى سەفەۋىلەر خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىسمائىل Ⅰ تەرىپىدىن يوقىتىلغان.

ئاق يەكتەكلىكلەر قوزغىلىڭى

  • ئاق يەكتەكلىكلەر قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] يەنى «مۇكاننا قوزغىلىڭى».

ئاق گۋاردىيە

  • ئاق گۋاردىيە[يەشمىسى:] (1) 1906-يىلىدىكى فىنلاندىيە بۇرژۇئا ساقچى ئەترىتىنىڭ نامى. ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى ئاق پاگوننى بەلگە قىلغان. (2) سوۋېت رۇسىيىسىدە 1918 — 1920-يىللاردىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق قوشۇنمۇ «ئاق گۋاردىيىچىلەر»دەپ ئاتالغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بەدىئىي ئەسەرلىرى ۋە سىياسىي ئوبزورلىرىدا ھەم شۇ دەۋرلەردىكى بەزىبىر ئەكسىلئىنقىلابىي مىللەتچى قوراللىق كۈچلەرنى (مەسىلەن، فىنلاندىيە، چېخوسلۇۋاكىيە ۋە پولشا ئاقلار ئارمىيىسى) ھەم بارلىق ئەكسىلئىنقىلابىي كۈچلەرنى كۆرسەتكەن. ئاق گۋاردىيىچىلەر ئارمىيىسى چارروسىيىنىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي ئوفىتسېرلىرىنى تايانچ قىلغان بولۇپ، چەت ئەل قوراللىق مۇداخىلچىلىرىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ ھەمدە مېنشېۋىكلار، سوتسىيال ئىنقىلابچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان. دون ۋادىسى، كۇبان، ئۇكرائىنا، بېلورۇسىيە، كاپكازىيە، تۈركىستان ۋە سىبىرىيە قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك رايونلىرى ۋە چېگرا ئۆلكىلەرنى بىر مەھەل ئىگىلىۋالغان. ئاخىرىدا قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىلغان.

ئاق لايىھە

  • ئاق لايىھە[يەشمىسى:] فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ پولشاغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنىڭ شەرتلىك بەلگىسى. فاشىست گېرمانىيىسى 1939-يىلى 3-ئايدا چېخوسلۇۋاكىيىنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، تاجاۋۇزچىلىق تىغ ئۇچىنى پولشاغا قاراتقان. بۇ پىلان گىتلىرنىڭ مۇددىئاسى بويىچە ئاپرېلدا تۈزۈلگەن. پىلاندا پولشاغا قارىتا «تۇيۇقسىز كۈچلۈك زەربە بىلەن ھەربىي ھەرىكەتنى باشلاپ، تېز نەتىجە قازىنىش» بەلگىلەنگەن ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ تۈردە گېرمانىيىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىلىرىگە ۋەزىپىلەر چۈشۈرۈلگەن. گىتلىر 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 1-نومۇرلۇق ئۇرۇش قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. گېرمانىيە ئارمىيىسى «ئاق لايىھە» گە بىنائەن 9-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە پولشاغا ھۇجۇم قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغان. 

ئاق ئوردا خانلىقى

  • ئاق ئوردا خانلىقى[يەشمىسى:]موڭغۇللار قۇرغان فېئودال دۆلەت. سىر دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنى بىلەن ئارال دېڭىزىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە قىپچاق خانلىقى ھۆكۈمدارى باتۇخان بۇ يەرلەرنى ئۆز ئىنىسى ئوردو خانغا ھەدىيە قىلغان. خان ئوردىسىنىڭ چېدىرى ئاق بولغانلىقى ئۈچۈن، باتۇخان ئوردىسىنىڭ ئالتۇن رەڭگى (سېرىق رەڭ) دىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن «ئاق ئوردا خانلىقى» دەپ ئاتالغان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۆك ئوردا خانلىقى بىلەن بىرلىشىپ ئۆزبېك خانلىقى بولۇپ قۇرۇلغان.

ئاقىللار جەمئىيىتى

  • ئاقىللار جەمئىيىتى[يەشمىسى:] يەنى «بىلىمپەرەسلەر جەمئىيىتى».

ئاق يەكتەكلىك ئەرەبلەر

  • ئاق يەكتەكلىك ئەرەبلەر[يەشمىسى:]جۇڭگو تارىخلىرىدا ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئۇمەييە خاندانلىقىنىڭ ئاتىلىشى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بايرىقى ئاق بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان.

ئاق يولۋاس ئەترىتى

  • ئاق يولۋاس ئەترىتى[يەشمىسى:] ياپونىيە ۋۇچېن يىلى ئۇرۇشى ۋاقتىدا ئايزۇ ۋاسساللىقى ئۇيۇشتۇرغان ياش پىدائىيلار ئەترىتى. ۋۇچېن يىلى ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن ئايزۇ ۋاسساللىقى شوگۇنلۇققا سادىقلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن ھەربىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ۋاسساللىقتىكى سامۇرايلارنى يېشىغا قاراپ ئاق يولۋاس،قىزىل قۇشقاچ، قارا ئەجدىھا، تاشپاقا ئەترەتلىرىگە ئۇيۇشتۇرغان. ئاق يولۋاس ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى پۈتۈنلەي 16 — 17 ياشلىق ياشلار بولۇپ، ئۇلار سالاھىيىتى بويىچە ۋاسساللار ئوتتۇرا ئەترىتى (يۇقىرى دەرىجىلىك ۋاسساللارنىڭ بالىلىرى)، يورى ئەترىتى (ئوتتۇرا دەرىجىلىك ۋاسساللارنىڭ بالىلىرى)، ئاشى ئەترىتى (تۆۋەن دەرىجىلىك ۋاسساللارنىڭ بالىلىرى)گە بۆلۈنگەن. 1868-يىل 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، يېڭى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئايزۇ ۋاكاماتىسۇ شەھىرىنىڭ تۈۋىگە كەلگەندە، ئاق يولۋاس ۋاسساللار ئوتتۇرا ئەترىتى تونوكۇچىگېن سوقۇشىدا يېڭىلگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ قالدۇق قىسىملىرىدىن 20 كىشى ۋاكاماتىسۇنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئىئمورى — ياما تېغىغا چېكىنىپ، قىسقا يول بىلەن ۋاكاماتىسۇ شەھىرىگە كىرىۋېلىشقا ئۇرۇنغان، لېكىن شەھەرنى ئىس -تۈتەك قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ شەھەر قولدىن كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ چۈشىنىپ، ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ياكى بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈش يولى بىلەن پۈتۈنلەي قىرىلىپ تۈگىگەن.

ئاكادېمىيە

  • ئاكادېمىيە[يەشمىسى:]Akademeia)ئادەتتە بىلىم يۇرتى ياكى ئىنستىتۇت دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئەسلىدە قەدىمكى يۇناندا ئۆتكەن ئەپلاتون بەرپا قىلغان بىلىم يۇرتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئافېنا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى كېپىسۇ (Cephissus) رايونىغا جايلاشقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئەپسانىلەردىكى قەھرىمان ئاكادېمۇس (Academus) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان؛ كېيىن تەنتەربىيە مەيدانى قىلىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا (سىمون ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە) ئافېنا دائىرىلىرى بۇ جاينى كۆكەرتكەن ھەمدە ھەيكەل قاتارلىق سەنئەت بۇيۇملىرى بىلەن زىننەتلىگەن. مىلادىدىن تەخمىنەن 386 يىل ئىلگىرى ئەپلاتون بۇ جايدا پەلسەپە مەكتىپى ئېچىپ شاگىرتلىرىنى ئوقۇتقان، ئەپلاتون ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ شاگىرتلىرى (ئاكادېمىكلار Academici) ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ۋارىسلىق قىلغان. ئاكادېمىيە قەدىمكى يۇناندىكى مەشھۇر بىلىم يۇرتىغا ئايلانغان. مىلادىدىن 87 يىل ئىلگىرى رىمنىڭ باش قوماندانى سۇللا يۇناندا ئۇرۇش قىلىپ ئافېنا شەھىرىنى ئالغان چاغدا بىلىم يۇرتى ۋەيران قىلىنغان. كېيىن قايتىدىن ياسالغان. 529-يىلىغىچە ئاكادېمىيە ۋېزانتىيە پادىشاھى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا رىمدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخس سىتسېرۇ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىر) ئۆزىنىڭ پۇتېئول ۋە توسكېلىن دېگەن ئىككى جايدىكى داچىسىنىمۇ «ئاكادېمىيە» دەپ ئاتىغان. 1459- يىلى ئىتالىيىنىڭ فلورېنسىيە شەھىرىدىمۇ «ئاكادېمىيە» تەسىس قىلىنىپ، ئەپلاتون ئەسەرلىرى تەتقىق قىلىنغان (1521-يىلى توختىتىپ قويۇلغان). 

ئاكارسوئا قوزغىلىڭى

  • ئاكارسوئا قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] 1864 — 1866-يى-للىرى كامبودژا خەلقىنىڭ فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تاجاۋۇزىغا قارشى قوزغىلىڭى. شاھزادە ئاكارسوئا (Acharsoa) رەھبەرلىك قىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1863-يىلى فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى كامبودژانى ئۆزىنىڭ ھامىيلىقى ئاستىغا ئالماقچى بولۇپ، خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. ئىككىنچى يىلى ئاكارسوئا كامبودژانىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان، قوزغىلاڭغا دېھقانلار، بىر قىسىم فېئوداللار ۋە بىر قىسىم ۋيېتنام ۋەتەنپەرۋەرلىرى قاتناشقان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى كومپوڭبوم ۋە تاكىئو قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلغان ھەمدە پايتەخت فنومىپېن (ھازىرقى پنومىپېن) غا يۈرۈش قىلغان، پادىشاھ ئارمىيىسى بىلەن فرانسىيە ئارمىيىسى بىرلىشىپ توسۇپ زەربە بەرگەن. 1866-يىلى 8-ئايدا ئاكارسوئا يارىدار بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. 

ئاكالى ھەرىكىتى

  • ئاكالى ھەرىكىتى[يەشمىسى:]بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ھىندىستاننىڭ پەنجاپ رايونىدىكى شىك دىنىدىكى دېھقانلارنىڭ فېئوداللىققا قارشى كۈرىشى. بۇ كۈرەش شىك دىنىدىكى ئاكالى (Akalis «ئەبەدى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغۇچى» دېگەن مەنىدە) مەزھىپىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئاكالى مەزھىپى دېھقانلار ۋە قول سانائەتچىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، شىك دىنىنىڭ قائىدىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى، شىك دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىنى پاكلاشتۇرۇشنى، ئىبادەتخانىلار رىياسەتچىلىرى (ماھاندى) نىڭ فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە زۇلمىغا ھەمدە ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1920 — 1922-يىللىرى ھىندىستاندا ئەنگلىيىگە قارشى دولقۇن كۆتۈرۈلگەندە، قاتناشقۇچىلار يەنە شىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى، پەنجاپتىكى خەلق كونگېرسىدىكىلەر ۋە زىيالىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1920-يىلى 7-ئايدا، ئامرىتسار شەھىرىدە شىك دىنىي قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىبادەتخانىلارنى باشقۇرۇش ھەيئىتى سايلىنىپ، ماھاندى ئىگىلىۋالغان يەرلەر قايتۇرۇۋېلىنىپ، دىنىيجەمئىيەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش جاكارلانغان. 1920-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ دېھقانلار بىلەن ماھاندىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى كۆپ قېتىم توقۇنۇشقان. 1922-يىلى يازدا، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىبادەتخانىلارنى باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى قولغا ئالغان. 1923-يىلىنىڭ بېشىدا ئاكالى ھەرىكىتى پەسكارىغا چۈشۈپ قالغان.

ئاكائىيە

  • ئاكائىيە[يەشمىسى:]Achaia) قەدىمكى يۇناندىكى بىر رايون. پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى (جەنۇبىي يۇنان) نىڭ شىمالىغا جايلاشقان. شەرقىي سىكيون (Sicyon) تا تۇتاشقان، جەنۇبىي ئاركادىيە بىلەن چېگرىلانغان، غەربىي جەنۇبىي ئېلىس (Elis) بولۇپ، شىمالىي كورىنتوس ( Korinthos ياكى Коринф) قولتۇقىغا ياندىشىپ تۇرىدۇ. يىراق قەدىمكى زاماندىكى ئاھالىسى پېلاسگىئانلار (Pelasgians) بولۇپ، بۇلار ئائېگىئالېلار (Aegialeis) دەپمۇ ئاتالغان. ئولتۇراقلاشقان جايى ئائېگىئالېيە(Aegialiea)دەپ ئاتالغان؛ كېيىن بىر قىسىم ئىئونىيەلىكلەر كۆچۈپ كىرگەن. لاكونىيە ۋە ئارگوستىكى ئاكايىسلار (ئومۇمەن مىكېناي مەدەنىيىتىنى ياراتقۇچىلار دەپمۇ قارالماقتا) دورىئانلارنىڭ ھەيدىۋېتىشى (بىر قىسمى بويسۇندۇرۇلغان) بىلەن، ئائېگىئالېيە (ئىئونىيەلىكلەر قوغلىۋېتىپ) گە يۆتكەلگەن ۋە ئۇنى ئىگىلەپ مۇشۇ جاينىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان، شۇڭا، بۇ يەر ئاكائىيە دەپ ئاتالغان. ئەنئەنىۋى قاراشتا، ئاكايىسلار 12 شەھەر قۇرغان، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شىمالدىكى دېڭىز بويلىرى (كورىنتوس قولتۇقى) غا تارقالغان بولۇپ، شەرقىي چېكى پېلېنې (Pellene)، غەربىي چېكى دىمې (Dyme) بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى ئائېگىئۇم ( Aegium) ئەڭ مەشھۇر بولغان؛ ئىچكى رايونلىرى ترىتائېيە (Trittaea)، لېئونت-ىئۇم (Leontium) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، پۈتكۈل رايون ئەڭ دەسلەپتە تىسامېنۇس (Tisamenus) ۋە ئۇن-ىڭ جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولۇپ، كېيىن ھەرقايسى شەھەرلەر مۇستەقىللىككە ئېرىشىپ، پۇقرالار سىياسىي تۈزۈلمىسىنى يولغا قويغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا جەنۇبىي ئىتالىيىدە بىرمۇنچە مۇستەملىكىلەر (سىبارىس، كروتون، مېتافىڭسۇم قاتارلىقلار) نى قۇرۇپ چىققان. يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى) غا ئاكايىسلار ئىشتىراك قىلمىغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، يۇنان دۇنياسىدا ئانچە زور تەسىرمۇ پەيدا قىلمىغان. مىلادىدىن 281 يىل ئىلگىرى ئاكايىسلار ئالدى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ماكېدونىيە كۈچلىرىگە قارشى تۇرغان، كېيىن ئىتتىپاقنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، سىكيون (داھىيسى ئاراتوس) مۇ قاتناشقان، ئۇنىڭدىن كېيىن كورىنتوسمۇ قاتناشقان، بۇ مەشھۇر «ئاكائىيە ئىتتىپاقى» ئاخىر كېيىنكى مەزگىلدىكى يۇناندا بىر تەشەببۇسكار سىياسىي كۈچكە ئايلانغان. ئىتتىپاق ئائېگىئۇمدا تەسىس قىلىنغان. مىلادىدىن 146 يىل ئىلگىرى يۇنان، جۈملىدىن ئاكائىيە رايونىمۇ رىم زېمىنىگە قوشۇۋېتىلگەن. رىم قۇرۇپ چىققان يۇناننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەمۇرىي رايونلارمۇ «ئاكائىيە ئۆلكىسى» دەپ ئاتالغان. بۇنىڭ-دىن باشقا، تېسسالىيە(Thessalia)(شىمالىي يۇنان) نىڭ جەنۇبىدىكى بىر رايونمۇ «ئاكائىيە» دەپ ئاتالغان. 

ئاكائىيە ئىتتىپاقى

  • ئاكائىيە ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] قەدىمكى يۇناندىكى بىر قىسىم شەھەر دۆلەتلىرى ئاكائىيە (Achaia، جەنۇبىي يۇناننىڭ شىمالى) نى مەركەز قىلىپ تۈزگەن ئىتتىپاق. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردە، پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىدىكى 12 ئاكائىيە شەھىرى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىتتىپاق بولۇپ ئۇيۇشقان، كېيىن ماكېدونىيە پادىشاھى ئانتىگونوس گوناتاس (Antigonos Gonatas) تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن. مىلادىدىن 281 يىل ئىلگىرى ئاكائىيىدىكى بەزى شەھەرلەر ئاركادىيە ۋە مېسسېنىيە شەھەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، يەنە بىر قېتىم ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئورتاق ھالدا ماكېدونىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش ۋە خەلق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ئارقىدىنلا سىكيون، كورىنتوس، مېگارا قاتارلىقلارمۇ قاتنىشىپ، تەسىرى كېڭەيگەن؛ ئائېگىئۇم (Aegium، ئاكائىيىنىڭ شىمالىي قىرغىقى) سىياسىي مەركەز بولغان، ئاراتوس قوماندان بولغان (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى) مەزگىلىدە راسا گۈللەنگەن. ئىتتىپاق نىزامنامىسىگە ئاساسەن، ئىتتىپاقچىلارنىڭ ئومۇمىي پۇقرالار قۇرۇلتىيى ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان ھېسابلانغان، ئىتتىپاققا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى زور ئىشلارنى قارار قىلىشقا قاتناشقان ھەمدە ئىتتىپاق يىغىنى ئەزالىرى (دائىملىق ئورگان) ۋە ھەربىي قوماندانلارنى سايلاپ چىققان، كېيىنكىسىنىڭ ھوقۇقى ناھايىتى چوڭ بولغان. ئىتتىپاققا قاتناشقان دۆلەتلەر ئىچكى ئىشلىرىدا ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇپ، سىرتقى مۇناسىۋەتتە بولسا ئىتتىپاقنىڭ تىزگىنلىشىدە بولغان، ئىتتىپاقنىڭ خىراجىتىنى ئىتتىپاققا كىرگەنلەر ئۈستىگە ئالغان، ئىتتىپاققا قاتناشقان شەھەرلەر بىرلىككە كەلتۈرگەن ئۆلچەم ئىشلەتكەن، پۇل قويغان. ئىتتىپاق ماكېدونىيە پادىشاھىنىڭ تىزگىنلىشىگە كۆپ قېتىم قارشى تۇرغان ھەمدە ئوتتۇرا يۇناندىكى ئەيتۇلىيە ئىتتىپاقى بىلەن قارشىلىشىپ، يۇناننىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى مۇھىم سىياسىي كۈچكە ئايلانغان. لېكىن سپارتا پادىشاھى كلېئومېنېس Ⅲ ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندا، ماكېدونىيىدىن ياردەم ئېلىپ، رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرغان (مىلادىدىن 221 يىل ئىلگىرى). مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ماكېدونىيە بىلەن رىم ئۇرۇش قىلغاندا، ئىتتىپاق رىم تەرەپتە تۇرغان، ئۇرۇشتىن كېيىن پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىغا بىر مەزگىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان. نابىس سپارتادا ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندا، يەنە بىر قېتىم ئىتتىپاقنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان (مىلادىدىن 192 يىل ئىلگىرى). شۇنىڭدىن باشلاپ سپارتامۇ ئىتتىپاققا بېقىنىپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رىم يۇناننى بويسۇندۇرۇپ، ئىتتىپاق تارقىتىۋېتىلىپ، رىم بۇ يەردە «ئاكائىيە ئۆلكىسى» نى قۇرغان.

ئاكايىلار

  • ئاكايىلار[يەشمىسى:]Achaias ياكى Achaeus) قەدىمكى يۇنان ئاھالىلىرىنىڭ بىر خىلى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅣ ئەسىردىن ⅩⅢ ئەسىرگىچە بولغان ھىتىت ۋە مىسىر ھۈججەتلىرىدە كۆرۈلىدۇ. «گومېر داستانلىرى» دا كۆپىنچە گرېكلارنى كۆرسىتىدۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇلار ئېگىز بوي، ئالتۇن چاچ كېلىدىكەن («ئودېسسا»)، ئەسلىدە يۇناننىڭ شىمالىدىكى تېسسالىيە (Thessalia) ئەتراپىغا ماكانلاشقان، مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە جەنۇبقا كۆچۈپ، يەرلىك ئاھالىلەر (پېلاسگىلار) نى بويسۇندۇرغان. ئومۇمەن، ئۇلارنى مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جەنۇبىي يۇناندىكى مىكېناي مەدەنىيىتىنى ياراتقان، دەپ قارىلىدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىل-گىرىكى Ⅺ ئەسىردە ئاگامېمنون(Agamemnon) (مىكېناي پادىشاھى) باشچىلىقىدا ئېگېي دېڭىزىدىن ئۆتۈپ، ترويا (كىچىك ئاسىيادىكى دېڭىز بويىدا) غا يۈرۈش قىلىپ، غەلىبە قىلغان. كېيىن دورىئانلار پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىغا كىرگەن، ئاكايى-لارنىڭ بەزىلىرى بويسۇندۇرۇلغان، بەزىلىرى ئارالنىڭ شىمال تەرىپىگە قوغلىۋېتىلگەن. بۇ يەر «ئاكائىيە» (Achaia) دەپ ئاتالغان. ئاكائىيە مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردىن بۇرۇن ئانچە تەرەققىي قىلمىغان. كېيىن ئافىنا ۋە سپارتا ئارقا-ئارقىدىن ئاجىزلاپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنى بارغانسېرى مۇھىم بولۇپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە ماكېدونىيىگە قارشى ئاكائىيە ئىتتىپاقىنى تەشكىللىگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە رىمغا بويسۇنغان ھەمدە رىمنىڭ ئاكائىيە ئۆلكىسىگە قوشۇۋېتىلگەن. ئاكايىلار مىكېناي دەۋرىدە ياراتقان سىزىقسىمان يېزىق (B) نى 1952-يىلى ئەنگلىيە ئالىمى ۋېنترىس (Michael Ventris) تەرجىمە قىلىپ چىققان. قارىلىشىچە، قەدىمكى يۇنان تىلىدا ئاكائىيىنىڭ ئىپتىدائىي دىئالېكت تەركىبلىرى بولغان.

ئاكتون

  • ئاكتون[يەشمىسى:]Jonh Emerich Edward Dalbarg Acton، 1834 — 1920) ئەنگلىيە تارىخشۇناسى. نىئاپولدا تۇغۇلغان. بوۋىسى نىئاپول كورۇللۇقىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان. ئاپىسى گېرمانىيىدىكى باۋارىيە گرافىنەسى بولغان. ئاكتون «ئەركىن كاتولىكلار» غا مەنسۇپ لىبېراللار پارتىيىسىدىن. ياش ۋاقتىدا گېرمانىيىدە ئوقۇپ، رانكېچىلار ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. 1858-يىلى ئەنگلىيىدە ئولتۇراقلىشىپ، ئىككىنچى يىلى بارونلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1859 — 1865-يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1895-يىلىدىن باشلاپ كېمبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى پروفېسسورى بولغان. ئۇ، رانكېچىلار ئېقىمى تەشەببۇس قىلغان «ئوبيېكتىۋىزىملىق» ئىلىم تەتقىق قىلىش پوزىتسىيىسىنى كۈچىنىڭ بارىچە تەرغىپ قىلغان. «كېمبىرىج يېقىنقى زامان تارىخى» دېگەن ئەسەرنىڭ مەسئۇل تەھرىرلىكىنى قىلىپ، بىرىنچى تومى نەشىردىن چىقىشتىن بۇرۇن دۇنيادىن ئۆتكەن. قالدۇرۇپ كەتكەن ئورىگىناللىرىدىن «ئەركىنلىك تارىخى»، «يېقىنقى زامان تارىخى لېكسىيىسى»، «ئاكتون ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە ئەسەرلىرى» قاتارلىقلار نەشىر قىلىنغان.

ئاكتىئۇم ئۇرۇشى

  • ئاكتىئۇم ئۇرۇشى[يەشمىسى:] قەدىمكى رىمدىكى ئوكتاۋىيان (ئاۋگۇستۇس) بىلەن ئانتونى ئوتتۇرىسىدا بولغان بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش. مىلادىدىن 31 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرا يۇناننىڭ ئاكارنانىيە دېگەن يېرىنىڭ غەربىي شىمال بۇلۇڭىدىكى ئاكتىئۇم (Actium)دېڭىز تۇمشۇقىدا بولغان. ھەربىي كۈچ جەھەتتىن قارىغاندا، ئانتونى بىلەن كېلېئوپاترا Ⅶ (مىسىرنىڭ ئايال پادىشاھى) تەرەپ ئوكتاۋىياندىن ئۈستۈن تۇرسىمۇ، لېكىن ئوكتاۋىياننىڭ ھەربىي ئىنتىزامى چىڭ، قوماندانلىق سەنئىتى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىناتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىككى قوشۇن ئۇرۇشنى باشلىۋەتكەن. ئوكتاۋىياننىڭ ياردەمچىسى ئاگرىپپا دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلغان. جەڭ بولۇۋاتقاندا كلېئوپاترا ئۇشتۇمتۇت ئۇرۇشتىن باش تارتىپ، فلوتنىڭ بىر قىسمىنى باشلاپ، مىسىرغا قايتىپ كەتكەن. ئانتونى خەۋەرنى ئاڭلاپلا مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەن. تاشلاپ كېتىلگەن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ كۆپى ئوكتاۋىيانغا تەسلىم بولغان. بۇ ئۇرۇش رىم «ئىچكى ئۇرۇشى» دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئوكتاۋىياننى ئومۇميۈزلۈك غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ، رىم دۆلىتىنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانى (مۇشۇنىڭغا ئەگىشىپ پادىشاھلىق تۈزۈم ئورنىتىلغان) غا ئايلاندۇرغان.

ئاككاد پادىشاھلىقى

  • ئاككاد پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]قەدىمكى مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت. مىلادىدىن تەخمىنەن 2371 يىل ئىلگىرى ئاكادىلار پادىشاھى سارگونⅠ تەرىپىدىن قۇرۇلغان. كۆپ قېتىملىق ئۇرۇش ئارقىلىق سۇمېر شەھەر دۆلەتلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى كۆپلىگەن رايونلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پايتەخت ئاككاد شەھىرىنى بىنا قىلغان. داۋاملىق سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، شىمالدا سۇبارتۇغا بېسىپ كىرگەن، شەرقىي جەنۇبتا ئېلامنى ئىستېلا قىلغان، تەسىر كۈچى كىچىك ئاسىيا، سۈرىيە ۋە پەلەستىن ئەتراپىغىچە يېتىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سارگونⅠ ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى ياسىتىپ، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دائىمىي ئارمىيىنى قۇرۇپ، ھوقۇق مەرلەزلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن. نارام سىن تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (مىلادىدىن تەخمىنەن 2291 — 2255 يىللار ئىلگىرى) دۆلەت قۇدرەت تاپقان. ئۇ يەنە كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، زېمىنىنى شىمالدا ئەرمېنىيە ۋە كوردىستانغىچە، غەربىي جەنۇبتا ئەرەبىستانغىچە يەتكۈزۈپ، ئۆزىنى «جاھاندىكى تۆت تەرەپنىڭ پادىشاھى»دەپ ئاتىغان.نارام سىن ئۆلگەندىن كېيىن، تەخت كەينى-كەينىدىن يەڭگۈشلەنگەن. سۇمېردىكى ھەرقايسى جايلار ئۈزلۈكسىز قارشىلىق كۆرسەتكەن، پادىشاھلىق زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. مىلادىدىن تەخمىنەن 2230 يىل ئىلگىرى شەرقىي شىمال تاغلىق رايونىدىن كەلگەن كوتىلار (Кутии)تەرىپىدىن يوقىتىلغان.كېيىن مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى ئۈچىنچى خاندانلىقنىڭ قولىغا ئۆتكەن. «ئاككادلار» غا قاراڭ.

ئاككادلار

  • ئاككادلار[يەشمىسى:]Akkadians)مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدا (ھازىرقى ئىراق زېمىنىدا) ياشىغان قەدىمكى ئاھالە. سەمىتلارنىڭ بىر تارمىقى. مىلادىدىن تەخمىنەن 3000 يىل ئىلگىرى ئۆپچۆرىسىدە سۈرىيە دالاسىدىن مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا كىرگەن. ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتى: بويى ئېگىز، يۈزى ئۇزۇن، قاڭشارلىق، چاچلىرى ئۇزۇن، ساقاللىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە (سۇمېرلىقلارغا پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدۇ). مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅩⅣ ئەسىردە پادىشاھ سارگون Ⅰ جەنۇبقا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، سۇمېر شەھەر دۆلەتلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاككاد شەھىرىنى مەركەز قىلىپ ئاككاد پادىشاھلىقىنى قۇرغان. پادىشاھلىق مىلادىدىن 2230 يىل ئىلگىرى شەرقىي شىمالىي تاغلىق رايوندىكى كۇرتلار تەرىپىدىن يوقىتىلغان. ئاككادلار بىلەن سۇمېرلىقلار پەيدىنپەي قوشۇلۇپ، مەدەنىيەت جەھەتتە سۇمېرلىقلارنىڭ تەسىرىنى كۆپرەك قوبۇل قىلغان. ئاككادلارنىڭ تىلى شەرقىي شىمالىي سېمىت تىلىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئىشلەتكەن مىخ يېزىقمۇ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى يېزىقلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئاكۇتاگاۋارىيۇنوسكى

  • ئاكۇتاگاۋارىيۇنوسكى[يەشمىسى:]1892 — 1927) ياپونىيە يازغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى كامېنوسۇكى، تەخەللۇسى سۇمې دوشۇنىن. توكيو شەھىرى كيۇخاشى رايونىدا تۇغۇلغان. توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنگلىز ئەدەبىيات كەسپىنى تۈگەتكەن. دەسلەپ كىكۇچىكان قاتارلىق كىشىلەر بىلەن «يېڭى پىكىر ئېقىمى» ژۇرنىلىنى نەشىر قىلدۇرغان، «رائىكۇمۇن»، «بۇرۇن» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، يازغۇچى ناتسۇمې سىئوۋانىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. كېيىن دېڭىز ئارمىيىسى ئورگىنى مەكتىپىدە ئىنگلىز تىل مۇئەللىمى بولغان. «دوزاخ مەنزىرىسى»، «تەقۋادارنىڭ ئۆلۈمى» قاتارلىق تارىخىي ھېكايىلىرى بىلەن يازغۇچىلىق ئورنىنى تىكلىگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، جەمئىيەت ۋە كىشىلىك تۇرمۇش مەسىلىلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، «كاپپا»، «چىشلىق چاق» قاتارلىق ھېكايىلىرىنى يېزىپ چىققان. دەۋردىن قاتتىق ئەنسىرەپ، روھىي پەرىشانلىق ھېس قىلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. كېيىنرەك ئۇنىڭ 20 توملۇق «ئاكۇتاگاۋارىيۇنوسكى ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان. 1935-يىلى ئۇنىڭ نامىدا ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان.

ئاكسېلرود

  • ئاكسېلرود[يەشمىسى:]Πавел Борисович Аксельрод، 1850—1928) روسىيە مېنشېۋىكلىرى باشلىقلىرىنىڭ بىرى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى نارودنىكلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1883-يىلى «ئەمگەكنى ئازاد قىلىش جەمئىيىتى» نى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1900-يىلى «ئىسكىرا گېزىتى» نىڭ تەھرىرى بولغان. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيىدا مارتوۋقا ئەگىشىپ لېنىننىڭ پارتىيە قۇرۇش پرىنسىپىغا قارشى تۇرۇپ، مېنشېۋىككە ئايلىنىپ كەتكەن. 1905-يىلى «ئىشچىلار قۇرۇلتىيى» توغرىسىدىكى ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پرولېتارىيات پارتىيىسىنى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ئاممىسىغا قوشۇۋېتىشنى تەشەببۇس قىلغان، ئىككىنچى يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ تۆتىنچى قۇرۇلتىيىدا پرولېتارىيات بىلەن بۇرژۇئازىيە ھەمكارلىقىنى تەرغىپ قىلغان. سىتولپىن ئەكسىيەتچىللىكى دەۋرىدە، ئەمەلدىن قالدۇرغ-ۇچىلارنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوتسىيال شوۋىنىزمنى كۆككە كۆتۈرگەن. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قوللىغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن چەت ئەلدە تۇرۇپ سوۋېت روسىيە ھاكىمىيىتىگە قوراللىق ئارىلىشىشقا قۇتراتقان.

ئاكىللېس

  • ئاكىللېس[يەشمىسى:]Achilles ياكى Achilleus) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى قەھرىمان، ترويا ئۇرۇشىدىكى يۇنان ئارمىيىسىنىڭ باش سەركەردىسى. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ مىرمىدونىلار(Myrmidones، شىمالىي يۇناندىكى فېسسالىيە چېگرىسى ئىچىدە) نىڭ پادىشاھى پېلېئۇس (Peleus) بىلەن دېڭىز خۇداسىنىڭ قىزى تېتىس (Thetis) تىن تۇغۇلغانمىش. بالىلىق چېغىدا ئاپىسى تېتىس ئۇنىڭ بەدىنىنى شاراب بىلەن يۇيۇپ، ئوتتا تاۋلاپ، يەنە ئەزىم دەريادا يۇيۇندۇرۇپ، بەدىنىگە قىلىچ ئۆتمەيدىغان قىلغانمىش، لېكىن يۇيۇندۇرغان چاغدا ئاپىسى تۇتۇپ تۇرغان تاپىنى ئەزىم دەريانىڭ سۈيىگە چىلانمىغانمىش، شۇڭا «ئاكىللېسنىڭ تاپىنى» دېگەن تەمسىل ئەجەللىك ئاجىزلىقنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ تەبىئىتى جەسۇر بولۇپ، بالىلىق چېغىدىلا شىر ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆلتۈرگەنمىش، ئۇ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان بۇغىغا يېتىشىۋالالايدىغانلىقى ئۈچۈن «شاتۇر ئاخىللېس» دەپمۇ ئاتالغانىكەن. يېقىن دوستى پاتروكلۇس (Patroclus) بىلەن بىرلىكتە ترويا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. گومېرنىڭ داستانى — «ئېلىيادا» نىڭ بېشىدا يېزىلىشىچە، ترويا ئۇرۇشىنىڭ ئونىنچى يىلى ئاكىللېس بىلەن باش قوماندان ئاگامېمنون ئوتتۇرىسىدا ئايال ئەسىرنى تالىشىپ ئاداۋەت پەيدا بولۇپ قالغانلىقتىن، ئاكىللېس غەزەپلىنىپ ئۇرۇشقا چىقىشتىن باش تارتقان، يۇنان بىرلەشمە ئارمىيىسى قەدەمدە بىر مەغلۇپ بولغان، كېيىن پاتروكلۇس ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن، ئاكىللېس دوستىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن جەڭگە چىقىپ، ترويانىڭ باش سەركەردىسى گېكتورنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئوڭشىغان. لېكىن ترويا شاھزادىسى پارىس ئاتقان يوشۇرۇن ئوق تاپىنىغا تېگىپ ئۆلگەن.

ئاگاتسۇما ئۆرنەكلىرى

  • ئاگاتسۇما ئۆرنەكلىرى[يەشمىسى:]«ياپونىيە ئىبرەتنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كاماكۇرا باكۇ شوگونلۇقىنىڭ مەجمۇئە ئۇسلۇبىدا يېزىلغان تارىخنامىسى. كىتاب جەمئىي 52 جىلد (بۇنىڭ 45 جىلدى كەم). ئاپتورى باكۇشوگونلىقىنىڭ غۇلامىدەك قىلىدۇ. بۇنىڭدا باكۇشوگونلۇقىنى مەركەز قىلغان ھالدا سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەرگە دائىر تارىخىي ماتېرىياللار بايان قىلىنغان، 1180-يىلى (خابۇتسۇگونىڭ تۆتىنچى يىلى) مىنا موتۇماسا لەشكەر تارتىپ چىققاندىن تارتىپ تاكى 1266-يىلى (فۇمىناگانىڭ 3- يىلى) شاھزادە مۇنې تاكاشى كىيوتۇغا قايتىپ كەلگەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى ۋەقەلەر يېزىلغان بولۇپ، ئىلگى-رى-كېيىن جەمئىي 87 يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ماتېرىياللىرى باكۇ شوگناتىنىڭ پۈتۈكچىلىرى ۋە ساراي بەگلىرىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان. ئۇسلۇبى ياپونىيە تۈسىدىكى خەنزۇ يېزىقى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئارىسىدا سامۇرايلارنىڭ قوپال تىللىرى قىستۇرۇلغان. ئالدىنقى قىسىملىرى فۇمىناگا يىللىرى(1264— 1275يىللىرى)،كېيىنكى قىسىملىرى ماساخىرو يىللىرى ئارىلىقىدا (1288 — 1293) تۈزۈلگەن. بۇ كاماكۇرا دەۋرىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئاگاخان

  • ئاگاخان[يەشمىسى:]Agha Khan) (1)ئىسلام دىنى ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ رەھبىرىنىڭ نامى.(2) ئاگاخان Ⅲ (Agha KhanⅢ 1877 — 1957). يەنى سۇلتان مۇھەممەد شاھ (Sultan Mohammed Shah). ھىندىستاندىكى ئىسلام دىنى ئىسمائىلىيە تەرەپدارلىرىنىڭ دىنىي رەھبىرى. پۈتۈن ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى. ئاگاخان Ⅱ نىڭ ئوغلى. كاراچىدا تۇغۇلغان. ئەسلى يۇرتى پېرسىيە. 1885-يىلى ئاتىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئىمام بولغان. ياش ۋاقتىدا ئەنگلىيىدىكى ئىدون ھۆكۈمەت مەكتىپى ۋە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1902 — 1904-يىللىرى ھىندىستان باش ۋالىيسى مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان.1906-يىلى 10-ئايدا مۇسۇلمانلار ۋەكىللەر ئۆمىكى (سىملار ۋەكىللەر ئۆمىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى باشلاپ مۇئاۋىن پادىشاھ مىنتۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، ھىندىستان مەركىزىي ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىدىكى مۇسۇلمان ۋەكىللىرىنى مۇسۇلمان سايلىغۇچىلار ئۆز ئالدىغا سايلاپ چىقىش پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1908-يىلى ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان، 1915- يىل-ى ئىستېپا بەرگەن. 1930 — 1932-يىللىرىدىكى يۇمىلاق جوزا يىغىنىدىكى ھىندىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. 1937-يىلى رابىتول ئىسلامنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى شۋېتسارىيىدە ئۆتكۈزگەن.

ئاگ-ا مۇھەممەدخان

  • ئاگ-ا مۇھەممەدخان[يەشمىسى:]Agha Muhammad Khan، 1720 ياكى 1742 — 1797) ئىران كاجار خاندانلىقىنىڭ ئاساسچىسى ۋە پادىشاھى (1796 — 1797). ئەسلى كاجار قەبىلىسىنىڭ باشلىقى. 1783 — 1794) يىللىرى سافى خاندانلىقى كۈنسايىن زاۋال تاپقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىراننىڭ ئاساسلىق رايونلىرىنى ئىلگىرى-كېيىن بويسۇندۇرغان. 1794-يىلى زاند خاندانلىقىنى يوقاتقان. ئىككىنچى يىلى باھاردا گرۇزىيىگە يۈرۈش قىلغان. 1796-يىلى تاج كىيىپ ئىران پادىشاھى بولۇپ، تېھراننى پايتەخت قىلغان. كېيىن خوراساننى بويسۇندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. كۆپ ئۆتمەي سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

ئاگامېمنون

  • ئاگامېمنون[يەشمىسى:]Agamemnon) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى مىكېناي (جەنۇبىي يۇنان) پادىشاھى. ئاترىئۇس (Atreus) نىڭ ئوغلى، مېنېلائوس (رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، سپارتا پادىشاھى) بىلەن بىر تۇغقان.ترويا (كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى) شاھزادىسى پارىس مېنېلائوسنىڭ خوتۇنى ھېلېئىننى ئەپقاچقانلىقتىن، يۇنانلىقلار لەشكەر تارتىپ تروياغا يۈرۈش قىلغاندا، ئاگامېمنون بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى بولغان. جەڭ كېمىلىرى ئائولىس(Aulis، ئوتتۇرا يۇناندىكى بېئوتىيىنىڭ شەرقىي قىرغاقلىرى) پورتىغا يىغىلىپ يولغا چىقىشنى كۈتۈپ تۇرغاندا، غەزەپلەنگەن ئوۋچىلىق خۇداسى ئارتىمېس دەھشەتلىك بوران چىقىرىپ (ئاگامېمنون ئۇنىڭ ئورمانلىقىدىكى بىر چىپار بۇغىنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانمىش)، ئاگامېمنون قىزى ئېپىگىنا (Iphigenia) نى قۇربان قىلىپ ئوۋچىلىق خۇداسىنىڭ ئاچچىقىنى ياندۇرۇپ، يولغا چىقىشقا مۇيەسسەر بوپتۇ. تروياغا ھۇجۇم قىلىپ ئونىنچى يىلى باش سەركەردە ئاكىللېس بىلەن بىر ئايال ئەسىرنى تالىشىپ تەگىشىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مەغلۇپ بولغىلى تاس قاپتۇ. ئاخىر «ياغاچ ئات ھىيلىسى» بىلەن ترويا شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، ترويا مەلىكىسى كاسساندرانى (ئولجا سۈپىتىدە) ئېلىپ ۋەتىنىگە زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەپتۇ. ئۇنىڭ خوتۇنى كلېتامنېسترا (Clytaemnestra)ئاگىستوس (Aegisthus) بىلەن بۇرۇندىنلا ئاشنا ئوينايدىكەن، بۇ ئىككىسى تىل بىرىكتۈرۈپ ئاگامېمنون بىلەن كاسساندرانى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئاگامېمنوننىڭ ئوغلى ئورېستىس (Orestes)غەزەپلىنىپ دادىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئانىسى كلېتامنېسترا بىلەن ئاگىستوسنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئاگامېمنونغا ئائىت ھېكايىلەر توغرىسىدا قەدىمكى يۇنان شائىرلىرى (گومىر، پىندار قاتارلىق) نىڭ ئەسەرلىرى بار. تراگېدىيە يازغۇچىسى ئىسخىلنىڭ «ئاگامېمنون» دېگەن ئەسىرى بار (ئۇنىڭدا ئورېستىس يولۇققان ئۈچ پاجىئەنىڭ بىرىنچىسى تەسۋىرلەنگەن).

ئاگرام ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش دېلوسى

  • ئاگرام ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش دېلوسى[يەشمىسى:]1908-يىلى ئاۋسترىيە -ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى كرودىيىدىكى سېربىيىلىكلەرگە زىيانكەشلىك قىلغان ۋەقە. ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى سېربىيىنىڭ «فىئوم قارارى» (دالماتسىيە بىلەن كرودىيە قوشۇلۇش) نى قوللىغانلىقتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، سېربلار بىلەن خورۋاتلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، 1908-يىلى كرودىيە چېگرىسى ئىچىدە پان سېربىيىزم ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان دېگەن بەتنام بىلەن كرودىيىدىكى 53 نەپەر سېربنى قولغا ئالغان ھەمدە ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش دىلوسىنى ئاگرام (Agram، يەنى زاگرېب) شەھىرىدە سوت قىلغان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى تارىخشۇناس فدېدىرونغا ماقالە ئېلان قىلىشقا يول كۆرسىتىپ، سېربىيە-كرودىيە ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى سېربىيە ھۆكۈمىتى بەرگەن پارىنى قوبۇل قىلغان، دەپ ئەيىبلىگەن. ۋېنادا دەرھال تۆھمەت ۋە شىكايەت قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ياۋروپانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ۋەقەگە ئايلانغان. لېكىن بارلىق شىكايەت ئويدۇرما بولۇپ، تەمىنلىگەن ھۈججەتلىرىمۇ ساختا ئىدى. شۇڭا بۇ دېلو بىلەن فرانسىيىدىكى ئالفرېد درېيفوس دېلوسى تەڭ تىلغا ئېلىنىدۇ.

ئاگرىپپا

  • ئاگرىپپا[يەشمىسى:]Marcus Vipsanius Agrippa، مىلادىدىن تەخمىنەن 62 — 12 يىل ئىلگىرى) قەدىمكى رىم سەردارى. تۆۋەن قاتلامدىن كېلىپ چىققان. ئاۋگۇست (ئوكتاۋىيان) نىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشىگە ياردەملىشىپ، ئۇرۇشتا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە كۆرسەتكەن، بولۇپمۇ سېكىست پومپېي (مىلادىدىن 36 يىل ئىلگىرى) ۋە مارك ئانتونىن (مىلادىدىن 31 يىل ئىلگىرى ئاكسىي جېڭىدە) نى مەغلۇپ قىلىش بىلەن داڭق چىقارغان. كېيىن گاللىيە ۋە گېرمانىيە (گېرمانلار) گە يۈرۈش قىلىپ غەلىبە قىلغان. پادىشاھ ئاۋگۇستنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ئۇنىڭ قىزى يۇلىئانى (Julia) (ئۈچىنچى خوتۇنلۇققا) ئالغان. ئىككى قېتىم كونسۇل بولغان. رىم شەھىرىنى قۇرۇش، پانتېئون (تەڭرىلەر ئىبادەتخانىسى)، ئاممىۋى سۇ ئۈزۈش مەيدانى، سۇ يوللىرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى سېلىشنى پىلانلاشقا قاتناشقان. ئۇنىڭ جۇغراپىيە ئەسىرى بولۇپ (ساقلىنىپ قالمىغان)، سترابون، چوڭ پلىنى تەرىپىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

ئاگرىپپىنا

  • ئاگرىپپىنا[يەشمىسى:]Agrippina)(1)چوڭ ئاگرىپپىنا(مىلادىدىن 14 يىل ئىلگىرى — مىلادى 33-يىلى) قەدىمكى رىمدىكى ئاقسۆڭەك ئايال. ئاگرىپپا بىلەن يۇلىئا (Julia، ئاۋگۇستنىڭ قىزى) دىن تۇغۇلغان. گېرمانىكۇ (Germanicuc Caesar، پادىشاھ تىبېرىي نېرو كائېسارنىڭ جىيەنى) غا ياتلىق بولغان. ئۇ ئېرى بىلەن بىللە ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلىپ، سۈرىيە قاتارلىق جايلارغا بارغان. ئۇنىڭ ئېرى ئانتىئوكىيىدە تۇيۇقسىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا رىمغا قايتىپ كېلىپ، پادىشاھنىڭ يېقىن ئادىمى سۈرىيە باش ۋالىيسى پىسو (Calpurnius Piso) نى قاتىل دەپ شىكايەت قىلغان ھەمدە ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بىرلىشىپ پادىشاھ تىبېرىيغا قارشى تۇرغان. مىلادى 29-يىلى تىبېرىي تەرىپىدىن پەنداتېرىيە (Pandateria، كامپانىيىگە يېقىن بىر كىچىك ئارال) گە سۈرگۈن قىلىنغان، ئۇ شۇ جايدا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن. (2) كىچىك ئاگرىپپىنا (15 — 59). چوڭ ئاگرىپپىنا بىلەن گېرمانىكۇنىڭ قىزى. ئىسمى يۇلىئا. ئۇ دومىتىئوس(Domitios Ahenobarbus) قا ياتلىق بولۇپ، نېرونى تۇغقان. ئېرى بىلەن ئاجراشقاندىن كېيىن يەنە پادىشاھ كلاۋدىي Ⅰ گە تەگكەن. مىلادى 54-يىلى كلاۋدىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ، ئوغلى نېرونى تەختكە چىقىرىپ، ھاكىمىيەتنى باشقۇرغان. كېيىن ئانا-بالا ھوقۇق تالاشقاندا، ئوغلى نېرو تەرىپىدىن بۇيرۇق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

ئاگنون

  • ئاگنون[يەشمىسى:]Shmuel Yosef Agnon، 1888 — 1970) يەھۇدىي يازغۇچى. ئەسلى ئىسمى كزاككېس (Samuel Josef Czaczkes). گالىتسىيە (Galicia، ھازىر پولشا چېگرىسى ئىچىدە) دە تۇغۇلغان. دەسلەپتە يەھۇدىي تىلىدا ئەسەر يازغان، كېيىن يېۋرېي تىلىدا يېزىشقا ئۆزگەرتكەن. 1907 — 1913-يىللىرى پەلەستىن ئەتراپىدا ئەدەبىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ مەزگىلدە ئۆزىنى ئاگنون دەپ ئاتىغان. كېيىن بېرلىنغا بېرىپ يېزىقچىلىق ۋە نەشرىياتچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1924-يىلدىن كېيىن ئېرۇسالىمغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە «تەۋرات» ۋە يەھۇدىي دىنىنىڭ كلاسسىك كىتابلىرىنى ۋەقەلىك قىلىپ، ياۋروپادىكى يەھۇدىيلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن، مەسىلەن، «يېڭى توي قىلغان يوكتاي»، «كېچىدە كەلگەن مېھمان» قاتارلىقلار. كېيىنكى مەزگىللەردە ئىسرائىلىيىلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنى يېزىپ، يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ئەنئەنىسىنى تەكىتلىگەن، مەسىلەن، «ت-ۈن-ۈگ-ۈن ۋە ئۈلۈشكۈن» قاتار- لىقلار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئون نەچچە دۆلەتنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە. 1966-يىلى يەھۇدىي ئايال يازغۇچى ساكىس بىلەن بىللە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئاگنى

  • ئاگنى[يەشمىسى:]Agni) قەدىمكى ھىندىستاندىكى تەڭرىنىڭ نامى. ئارىيانلارنىڭ دەسلەپكى ۋېدا (Veda) دەۋرىدىكى زېمىن ئىلاھلىرىنىڭ بىرى. ئوت تەڭرىسى دەپ قارالغان بولۇپ، ئاتەشپەرەسلىكنىڭ ناماياندىسى قىلىنغان. «رىگۋېدا» (Rig Veda) دا ئۇيورۇقلۇق ۋە ئوت تەڭرىسى سۈپىتىدە مەدھىيىلەنگەن. كىشىلىك دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق بولۇپ، ئائىلىلەردە ئوچاق ئىلاھى قىلىنغان، «ئائىلە مۇئەككىلى» دەپ ئاتالغان، شۇنداقلا ئۇ ئەڭ چوڭ كاھىن، ئادەم بىلەن خۇدا ئوتتۇرىسىدىكى ئەلچى دەپ قارالغان، ۋېدادىكى تەڭرىلەر ئىچىدە ئۇنىڭ ئورنى ئىندرادىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئاگونىستلار ھەرىكىتى

  • ئاگونىستلار ھەرىكىتى[يەشمىسى:] رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى تۆۋەن تەبىقىدىكى خەلقنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى. مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، شىمالىي ئافرىقىدىكى نومىدىيە ۋە ماۋرىتانىيە (ھازىرقى ئالجىرىيە ۋە ماراكەشنىڭ شىمالى) ئەتراپلىرىدا كۆتۈرۈلگەن. قاتناشقۇچىلار ئاساسەن نامرات دېھقانلار، قۇللار ۋە باشقا ئەمگەكچىلەر بولۇپ، كۆپىنچىسى يەرلىك خرىستىئان دىنى «بىدئەت» دوناتۇ (Donatus) مەزھىپىنىڭ ئەزالىرى بولغان؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى «ئاگونىستلار» (Agonistiei، مەنىسى «ئېتىقاد قىلغۇچى كۈرەشچىلەر») دەپ ئاتاپ، ئۆزلىرىنى «ھەقىقىي» خرىستىئان دىنى مۇرىتلىرى دەپ قارىغان، لېكىن بايلار ۋە ئەنئەنىچى خرىستىئان دىنى مۇرىتلىرى ئۇلارنى «كۆچمەن راھىبلار»(Circumcelliones) دەپ ئاتىغان. Ⅳ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن 40-يىللىرىغىچە تەرەققىي قىلىپ قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلىنىپ، بارغانلا يېرىدە قورۇقلارغا ھۇجۇم قىلىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، پومېشچىكلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، قەرز تىلخەتلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ، يەر ۋە مال-مۈلۈكلەرنى تەقسىم قىلغان، رىم ئەمەلدارلىرى ۋە ئەنئەنىچى خرىستىئان دىنىي جەمئىيەتلىرىگىمۇ قارشى تۇرغان ھەمدە يەرلىك ئاھالە — بەربەرلەر بىلەن بىرلىشىپ، رىمنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. ھەرىكەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى ھىپپو (Hippo، شىمالىي ئافرىقىدا) ئېپىسكوپى ئاۋگۇستىن كۈچلۈك ئۆچمەنلىك ۋە ئالاقزادە بولۇش كەيپىياتى بىلەن، بۇ «تومپايلار» ئۈستىدە توختالغان. Ⅳ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا، رىم تېئودوس (كېيىن پادىشاھ بولغان) نى لەشكەر باشلاپ چىقىپ جازالاشقا ئەۋەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرىكەت بەزىدە پەسىيىپ، بەزىدە كۆتۈرۈلۈپ، Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە داۋاملىشىپ، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاك بولۇشىنى تېزلەتكەن.

ئاگېسىلا

  • ئاگېسىلا[يەشمىسى:]Agesilaos، مىلادىدىن تەخمىنەن 444 — 360 يىل ئىلگىرى) سپارتا پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن 399 — 360 يىل ئىلگىرى) ئاركىدام Ⅱ(ArchidamusⅡ) نىڭ ئوغلى. ئۇ ئانا بۆلەك قېرىندىشى ئاگىس Ⅱ(AgisⅡ) نىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ پادىشاھ بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا جىيەن-ى لېئوتچىد ( Leotychides، ئاگىس Ⅱ نىڭ ئوغلى) نىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىدىن گۇمان بولغاچقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان. مىلادىدىن 396 يىل ئىلگىرى قوشۇن باشلاپ كىچىك ئاسىياغا كىرىپ، پېرسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىپ غەلىبە قىلغان، شۇنىڭ بىلەن شۇ يەردىكى بەزى يۇنان شەھەرلىرىنى قايتىدىن مۇستەقىللىككە ئىگە قىلغان. پېرسىيە پادىشاھى ئارتاكىسېركىس (Artaxerxes) يولۋاسنى تاغدىن ئالداپ چۈشۈرۈش ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ، كولنىف، تېبېس، ئافىنا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ سپارتاغا قارشى تۇرغان. ئاگېسىلا چاقىرىققا بىنائەن سپارتاغا قايتىپ كېلىپ «كولنىف ئۇرۇشى» غا قاتناشقان. مىلادىدىن 394 يىل ئىلگىرى بېئوتىيىدىكى كارونېيە (Coronea) دە كولىنوف قاتارلىقلارنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. پارىسلار نىشاننى بۇراپلا سپارتانى قوللىغان («بۈيۈك پادىشاھ سۈلھ شەرتنامىسى» گە قاراڭ). شۇنىڭدىن كېيىن ئاگېسىلا سپارتانىڭ يۇناندىكى زومىگەرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان، لېكىن لېۋكترا جېڭى (مىلادىدىن 371 يىل ئىلگىرى) ۋە مانتېنىيە جېڭى (مىلادىدىن 362 يىل ئىلگىرى) دە سپارتا ئارقا-ئارقىدىن تېبېس (ئېپامىنوند) تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغان. پېلوپوننېس ئىتتىپاقى پارچىلانغان. مىلادىدىن 361 يىل ئىلگىرى بىر قىسىم ياللانما قوشۇننى باشلاپ مىسىرغا بېسىپ كىرىپ، تاكوس (Tachos) نىڭ پادىشاھ بولۇشىغا ياردەملىشىش يولىدا ئۇنىڭ جىيەنى نېكتانېب (Nectanebes) قا قارشى تۇرۇپ، بۇنىڭ بەدىلى ئۈچۈن 230 تالانتون ئالتۇنغا ئىگە بولغان. مىسىردا ئۆلۈپ كەتكەن. قەدىمكى زاماندىكى تارىخشۇناسلار بۇ ياشانغان «توكۇر» پادىشاھ كېيىنكى مەزگىلدىكى سپارتادىكى بىر مۇھىم ئەرباب ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىغان.

ئاگىسⅣ

  • ئاگىسⅣ[يەشمىسى:]AgisⅣ، مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 262 — 241) قەدىمكى سپارتا پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 244 — 241). ئېندامىدوس Ⅱ(EndamidasⅡ) نىڭ ئوغلى. تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، سپارتا جەمئىيىتىنىڭ زىددىيەتلىرىنى پەسەيتىپ، لىكورگوسنىڭ كونا تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تەپتىش ئەمەلدارى لىساندېرنىڭ قوللىشى بىلەن، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان؛ مەزمۇنى: قەرزنى بىكار قىلىش، قەرز ھۈججەتلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن ھەمدە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يەرلىرىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۈلۈشلۈك يەرگە ئايرىپ (20 مىڭ ئۈلۈشلۈك قىلىپ)، ۋەيران بولغان سپارتالىقلارغا ۋە ھەربىي خىزمەت ئۆتىيەلەيدىغان پېرىئوئېكلارغا بۆلۈپ بەرمەكچى بولغان ۋەھاكازالار. يەنە بىر پادىشاھ لېئونىداسⅡ(LeonidasⅡ، تەخمىنەن مى-لادىدىن ئىلگىرى 285—236)باشچىلىقىدىكى ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى كەسكىن قارشى تۇرغاچقا، لىساندېر ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئەيتولىيىلىكلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاگىس Ⅳ ئالدىراپ-تېنەپ ئۇرۇشقا چىققان. ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتنى بىكار قىلغان، ئاگىس Ⅳ قايتىپ كەلگەندە، تۈرمىگە تاشلانغان ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ ئانىسى ۋە مومىسىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.

ئاگىنالدۇ

  • ئاگىنالدۇ[يەشمىسى:]Emilio Aguinaldu،1869 — 1964) فىلىپپىن زۇڭتۇڭى (1899 — 1901). ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئەيسا دىنىي جەمئىيىتى مەكتىپىدە تەربىيە ئالغان. 1894-يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى مەخپىي تەشكىلات كاتىپۇنانغا قاتناشقان. 1896-يىلى ئىسپانىيىگە قارشى قوزغىلاڭ پارتلىغاندىن كېيىن، فىلىپپىن ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولۇپ، گېنېرال ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1897-يىلى كاتىپۇناننىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ، بونىفاكىئونى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇ يىلى 12-ئايدا ئىسپانلار بىلەن مۇرەسسەلىشىپ، «بىيەكنا باتو شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1898-يىلى ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، ئىسپانىيىگە قارشى كۈرەشنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى يەنە بىر قېتىم تارتىۋالغان. شۇ يىلى 6-ئايدا فىلىپپىننىڭ ئىسپانىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. 1899-يىلى 1-ئايدا فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئامېرىكا ئېتىراپ قىلمىغاچقا، 2-ئايدا ئامېرىكا-فىلىپپىن ئۇرۇشى پارتلىغان. 1901-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكا ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن تەسلىم بولۇپ، ئامېرىكىغا سادىق بولۇشقا قەسەم بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننى كونترول قىلىشىغا ماقۇل بولغان. كېيىن سىياسىي ساھەدىن بىر مەزگىل چېكىنىپ چىققان. ياپونىيە ئارمىيىسى فىلىپپىننى ئىشغال قىلغان مەزگىلدە ياپونىيە ھۆكۈمرانلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان. 1945-يىلى ياپونىيە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، دۈشمەن بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان، چوڭ كەچۈرۈم قىلىنغاندا تۈرمىدىن چىققان. 1950-يىلى زۇڭتۇڭنىڭ مەسلىھەت ئورگىنى مىللىي مەجلىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن.

ئاڭدۇڭ

  • ئاڭدۇڭ[يەشمىسى:]Ang Duong، تەخمىنەن 1806 — 1859) كامبودژا پادىشاھى (1845 — 1859). ئاڭكاننىڭ ئىنىسى. ئاڭكان ئۆلگەندىن كېيىن، ۋيېتنام كامبودژىنى تىزگىنلىۋالغان. 1841-يىلى كامبودژىدا ۋيېتنامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ يۈز بېرىپ، سىيام (ھازىرقى تايلاند) دىكى شاھزادە ئاڭدۇڭنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، تەختكە چىقىشىنى تەلەپ قىلغان. سىيام شۇ ھامان ئەسكەر چىقىرىپ ئاڭدۇڭنى كامبودژىغا ئاپىرىپ قويغان. 1845-يىلى سىيام بىلەن ۋيېتنامدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت تۆت يىل ئېلىشىش ئارقىلىق مۇرەسسەگە كېلىپ، كامبودژىغا سىيام بىلەن ۋيېتنام ئورتاق ھامىيلىق قىلىشقا قوشۇلغان. 1847-يىلى ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ ئورتاق قاتنىشىشى بىلەن ئاڭدۇڭغا تاج كىيدۈرۈلگەن. سىيامنىڭ قوللىغانلىقىغا ھەق سۈپىتىدە، سىيام ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان ستوڭتىرىڭ قاتارلىق جايلارنى كېسىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1858-يىلى مەملىكەت ئىچىدىكى چاملارنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان ھەمدە قوزغىلاڭچىلارنى قوللىغان ۋيېتنام بىلەن ئۇرۇش قىلغان. 1859-يىلى كېسەل بىلەن ئۆلگەن.

ئاڭكان

  • ئاڭكان[يەشمىسى:]Ang Chan،1791— 1834 )كامبودژا پادىشاھى(1796—1834). گۆدەك ۋاقتىدا تەختكە ۋارىسلىق قىلغان.1806 يىلى باڭكوكتا تاج كىيدۈرۈلگەن. دەسلەپ سىيام (ھازىرقى تايلاند) بىلەن ۋيېتنامغا ئولپان تاپشۇرۇپ ئەل بولغان. كېيىن پەيدىنپەي ۋيېتنامغا مايىللاشقان. 1812-يىلى سىيام كامبودژىغا بولغان تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئاڭكاننىڭ ئىنىسى ئاڭنىگون (Angsngnon) نىڭ پادىشاھ تەختىنى تارتىۋېلىشىنى قوللىغان. ئاڭكان ۋيېتنامدىكى سايگونغا قېچىپ كەتكەن. ئىككىنچى يىلى ۋيېتنامنىڭ ياردىمى بىلەن پايتەختكە قايتىپ كەلگەن. ۋيېتنامغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ۋيېتنامنىڭ مۇداپىئە ۋە ئالاقىلىشىش ئەلچىلىرىنىڭ ئوردىدا تۇرۇشىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە جۇدۇ قاتارلىق جايلارنى كېسىپ بەرگەن، ۋيېتنامنىڭ كامبودژىدىكى تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ كەتكەن. 1814-يىلى، سىيام كامبودژىنىڭ غەربىدىكى باتتامباڭ (مادېۋاڭ)، ئاڭكور (سېمرېياپ) قاتارلىق ئۆلكىلىرىنى بېسىۋالغان. 1831-يىلى سىيام يەنە بىر نۆۋەت بېسىپ كىرگەن. ئاڭكان ۋيېتنامنىڭ يوڭلوڭ دېگەن يېرىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانغان، كېيىن ۋيېتنام ئارمىيىسىنىڭ قوللىشى بىلەن سىيام ئارمىيىسىنى چېكىندۈرۈپ، تەختنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ۋيېتنام ئاڭكاننىڭ قىزى ئاڭمېي (Angmey) نى يۆلەپ پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، كامبودژىنى تىزگىنلەپ كەلگەن.

ئاڭكور ئىبادەتخانىسى

  • ئاڭكور ئىبادەتخانىسى[يەشمىسى:] ئاڭكور ئۆڭكۈرى، كىچىك ئاڭكور دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كامبودژىدىكى مەشھۇر بولغان بۇددىزم خارابىسى. قەدىمكى زامان كامبودژا تاش بىناكارلىقى ۋە تاش ئويما قاپارتما نەقىشچىلىكىنىڭ كۆرۈنەرلىك ۋەكىلى. سېمرېياپ ئۆلكىسىنىڭ سېمرېياپ شەھىرى ئاڭكور بازىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. سورياۋارمان Ⅱ(SuryavarmanⅡ) دەۋرىدە(1113 — 1150) بىنا قىلىنغان. پۈتۈنلەي قورام تاش بىلەن قوپۇرۇلغان. ئىبادەتخانىنىڭ تۆت ئەتراپى 190 مېتر كەڭلىكتىكى خەندەك بىلەن ئورالغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 6.5 كىلومېتر كېلىدۇ. خەندەكنىڭ ئىچىگە تاشتىن ئىككى قاتار ئىچكى-تاش-قى سېپىل قوپۇرۇلغان. تاشقى سېپىلنىڭ غەربىدە بىر دەرۋازا بولۇپ، دەرۋازا راۋىقى ھەشىمەتلىك، ئۈستىدە ئۈچ مۇنار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. دەرۋازىدىن كىرگەندە كەڭ-ئازادە قورۇ بولۇپ، بىرقانچە مىڭ كىشى سىغىدۇ. ئىچكى سېپىل ئىچىگە ئوردا جايلاشقان، ئوردىدا ئۈچ سۇپىلىق ئېھرامسىمان بىر سۇپا بار. سۇپا ئۈستىگە بەش ئۇچلۇق مۇنار ياسالغان، مەركىزىي مۇنارنىڭ ئۈستى ھويلا يەر يۈزىدىن 65 مېتر كېلىدۇ. ھەربىر سۇپىنىڭ تۆت ئەتراپىدا تاشتىن قوپۇرۇلغان ئايلانما كارىدور بار، ئۇنىڭ ئەڭ تۆۋەن قەۋەت تاملىرى قاپارتما نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن. مەشھۇر «قاپارتما نەقىشلىك ئايلانما كارىدورى» بار، ئۇنىڭ مەزمۇنىدا تولاراق «ماخابخاراتا» ۋە «رامايانا» ئېپوسىدىكى ئەپسانىۋى چۆچەكلەرنى ئاساسىي ۋەقەلىك قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆرپ-ئادەت تۇرمۇش ۋەقەلىكلىرىمۇ بار. نەقىشلەر ئۇسلۇبى رەتلىك ھەم نەپىس بولۇپ، خۇددى سىزغاندەك چىققان.ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاڭكور قەدىمكى پايتەختى (بۇ «چوڭ ئاڭكور» دەپمۇ ئاتىلىپ، ⅩⅡ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بىنا قىلىنغان، سېپىلنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 12 كىلومېتر بولۇپ، تاشتىن ياسالغان بەش شەھەر دەرۋازىسى بولغان. سېپىل ئىچىدە پادىشاھ ئوردىسى، بائىئان ئىبادەتخانىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار بولغان) تاشلىنىپ قېلىپ ئىبادەتخانىمۇ چۆللىشىپ قالغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن كامبودژا خەلقى تەرىپىدىن يېڭىباشتىن رېمونت قىلىنىپ، دۇنياغا مەشھۇر بولغان قەدىمكى يادىكارلىقلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئالارىكⅠ

  • ئالارىكⅠ[يەشمىسى:] (Alaricus Ⅰ ياكى AlarichⅠ، تەخمىنەن 370 — 410) غەربىي گوت پادىشاھلىقىنىڭ كورۇلى(395 — 410). تەختتىكى مەزگىلدە، مىلادى 395-يىلى غەربىي گوتلارنى باشلاپ جەنۇبتىكى يۇنانغا بېرىپ، ئافىنا، كورىنتوس، سپارتا قاتارلىق شەھەرلەرنى تالان-تاراج قىلغان، ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى كورۇلى ئاركادىس (Arcadius، 395 — 408-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نى ئۆزى بىلەن سۈلھ شەرتنامە تۈزۈشكە مەجبۇر قىلىپ، شەرقىي ئىللىرىيىنىڭ باش ۋالىيسى قىلىپ تەيىنلىگەن. 401-يىلى ئىتالىيىگە بېسىپ كىرگەن، لېكىن ئىككىنچى يىلى رىم ياللانما قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى ستىلىكو (Flavius Stilicho، تەخمىنەن 359 — 408) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 408-يىلى يەنە بىر قېتىم ئىتالىيىگە باستۇرۇپ كىرگەن ھەمدە 410-يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى رىم شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، شەھەرنى ئۈچ كۈن بۇلاپ-تالىغان، ئۇنىڭدىن كېيىن دېڭىزدىن ئۆتۈپ سىتسىلىيە ۋە ئافرىقىغا يۈرۈش قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، ئىشقا ئاشمىغان، قوشۇننى شىمالغا قايتۇرۇپ كېلىۋاتقاندا، يول ئۈستىدە كېسەل بىلەن ئۆلگەن.

ئالارىكⅡ

  • ئالارىكⅡ[يەشمىسى:]AlaricusⅡ ياكى AlarichⅡ،؟—507)غەربىي گوت پادىشاھلىقىنىڭ كورۇلى(484 —507). رىم قانۇنلىرىنى ئاساس قىلىپ، «ئالارىك قانۇنىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ھەققىدە ئىزاھ» نى تۈزۈپ چىققان. مىلادى 507-يىلى، فرانك كورۇلى كلوۋى بىلەن پۇئاتيى (Poitiers،فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا غەربىگە جايلاشقان) دا جەڭ قىلىپ، مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ جەڭدىن كېيىن غەربىي گوتلارنىڭ گاللىيىدىكى زېمىنىدىن سېپتىمانىيە (septimania، رونا دەرياسىدىن پېرېنېي تېغىغىچە بولغان دېڭىز بويى رايونلىرى) دىن باشقىلىرى فرانكلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىپ، غەربىي گوت پادىشاھلىقىنىڭ مەركىزى ئىسپانىيىگە يۆتكەلگەن.

ئالاقىلىشىش كومىتېتى

  • ئالاقىلىشىش كومىتېتى[يەشمىسى:]شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكىلىرىدىكى ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىنقىلابىي ئاممىۋى تەشكىلات. 1770-يىلى 3-ئايدا بوستۇن پاجىئەسى يۈز بەرگەن. 1772-يىلى 6-ئايدا يەنە «كاسپېر ۋەقەسى» بولۇپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى ھەرىكەت ئەۋج ئالغان. سامور ئادامىس ۋە جېفىرسون قاتارلىقلار ئۇنىڭ رەھبەرلىرى ئىدى. كۈرەشتىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 1772-يىلى ماسساچۇسېت شتاتىدا ئالدى بىلەن ئالاقىلىشىش كومىتېتى قۇرۇلغان، 1773 — 1774 — يىللىرى ۋىرگىنىيە، كوننېكتىكوت، يېڭى ھامپىشىر قاتارلىق جايلاردىمۇ بۇ تەشكىلات قۇرۇلغان. ئۇ ئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭ ئىتتىپاقلىققا قاراپ مېڭىشىنىڭ مۇھىم قەدىمى، شۇنداقلا مۇستەملىكىلەردىكى ئىنقىلابىي يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ بىخى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇستەقىللىك كۈرىشىدە بۇ تەشكىلات مەلۇم رول ئوينىغان.

ئالاقىنى ئۈزۈش جازاسى

  • ئالاقىنى ئۈزۈش جازاسى[يەشمىسى:] قوغلاپ چىقىرىشمۇ دېيىلىدۇ. رىم پاپاسىنىڭ كاتولىك مۇرىتلىرىغا (جۈملىدىن مىسسىئونېرلارغا) قاراتقان بىر خىل جازاسى، يەنى دىندىن چىقىرىش جازاسى. غەربىي ياۋروپادا ئوتتۇرا ئەسىرلەردە، پاپا كۆپىنچە ئالاقىنى ئۈزۈش جازاسى ۋاسىتىسى بىلەن، بىدئەتلەر ۋە ئىلغار كىشىلەرنى باستۇرغان، دەھرىي پادىشاھلارنى دىنىي ھوقۇققا بويسۇنۇشقا قىستىغان. پراۋوسلاۋىيە چېركاۋى، يەھۇدىيلار چېركاۋى ۋە باشقا بەزى چېركاۋلاردىمۇ دىندىن چىقىرىش جازاسى يولغا قويۇلغان.

ئالامېين جېڭى

  • ئالامېين جېڭى[يەشمىسى:]ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بىر قېتىملىق چوڭ جەڭ. 1942-يىل 10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە مىسىردىكى ئىسكەندىرىيە شەھىرىنىڭ غەربىگە 558.96 كىلومېتر كېلىدىغان ئالامېين(El Almein) دا ئېلىپ بېرىلغان. مونتگومېرى قوماندانلىقىدىكى ئەنگلىيىنىڭ سەككىزىنچى جۈنتۇەنىنىڭ روممېل باشچىلىقىدىكى ئوق مەركىزى دۆلەتلەرنىڭ قۇملۇق قىسمى بىلەن قىلغان ئۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ غەلىبە. جەڭ ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنگەن. بىرىنچى باسقۇچى 10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە بولۇپ، جەڭ ئۇرۇش مەيدانىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە ئېلىپ بېرىلغان، 29 — 31- كۈنلىرى ئەنگلىيە ئارمىيىسى كۈچىنى توپلاپ كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانغان. ئىككىنچى باسقۇچى 11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە بولغان. 2-كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ غەلىبە قىلغان، ئوق مەركىزى دۆلەتلەرنىڭ قوشۇنى 4- كۈنىگىچە پۈتۈنلەي چېكىنىپ بولغان. پۈتۈن جەڭدە ئەنگلىيە ئارمىيىسىدىن 13500 كىشى يارىدار بولغان ۋە ئۆلگەن، ئوق مەركىزى دۆلەتلەر ئارمىيىسىدىن 60000 كىشى تالاپەت تارتقان، بۇنىڭ ئىچىدە 30000 كىشى ئەسىر ئېلىنغان.

ئالاند تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسى

  • ئالاند تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسى[يەشمىسى:] يەنى «ئاخۋېنانما تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسى».

ئالانىلار

  • ئالانىلار[يەشمىسى:]Alans ياكى Alani) شىمالىي كاپكازدا ئولتۇراقلاشقان كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە. مىلادى 375-يىلى ھونلار بىلەن بىرلىشىپ شەرقىي گوتلارنى مەغلۇپ قىلغان. 406-يىلى سۇئېۋىلار ۋە ۋانداللار بىلەن بىرلىكتە گاللىيىگە بېسىپ كىرگەن. 409-يىلى يەنە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئىسپانىيىگە كۆچۈپ بارغان. تەخمىنەن 418-يىلى غەربىي گوتلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغان. 429-يىلى ۋانداللار بىلەن بىللە دېڭىزدىن ئۆتۈپ شىمالىي ئافرىقىغا كىرگەن.

ئالاھىدە جېسەكچىلەر قوشۇنى

  • ئالاھىدە جېسەكچىلەر قوشۇنى[يەشمىسى:] چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسىنىڭ بىر خىل ئارمىيە تۈزۈمى. ئۇ، ئوڭ قول ۋە سول قول كېچىلىك ئالاھىدە جېسەكچى ۋە خىسلەتلىك ئالاھىدە جېسەكچىلەردىن ئىبارەت ئۈچ تارماقتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇلارنى قوشۇپ ئۈچ ئالاھىدە جېسەكچىلەر قوشۇنى دەپ ئاتالغان. ئالاھىدە جېسەكچىلەر ئەسلىدە ئۇرۇش مەزگىلىدە باتۇر چەۋەندازلاردىن تاللىنىپ تەشكىللەنگەن ۋاقىتلىق قوشۇن. گاۋزۇڭ دەۋرىدە (1214 — 1259، تەختتە ئولتۇرغان) زالىم ۋەزىر سوييو كەيچىڭ (ھازىرقى كائىسوڭ) نىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش باھانىسى بىلەن كېچىلىك ئالاھىدە جېسەكچى قۇرۇپ، كېچىلىك مۇھاپىزەت ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن تەدرىجىي كېڭىيىپ ئوڭ ۋە سول دەپ ئىككى كېچىلىك ئالاھىدە جېسەكچىلەرگە بۆلگەن. موڭغۇللار تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە خان جەمەتى كاڭخا ئارىلىغا قېچىپ بېرىۋالغان. ئۇ يەردە يەنە موڭغۇل ئەسكەرلىرىگە ئەسىرگە چۈشۈپ، كاڭخا ئارىلىغا قېچىپ بېرىۋالغان ئەسكەرلەردىن خىسلەتلىك ئالاھىدە جېسەكچىلەرنى تەشكىللىگەن، بۇنىڭ بىلەن ئۈچ ئالاھىدە جېسەكچىلەر قوشۇنى بارلىققا كەلگەن ھەمدە كاڭخا ئارىلىنى مۇداپىئە قىلىش ۋە موڭغۇل ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 1258-يىلى (گاۋزۇڭنىڭ 45-يىلى) سۈي جەمەتى ھاكىمىيىتى گۇم بولۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىي قوشۇنىمۇ يىمىرىلگەن. ئۈچ ئالاھىدە جېسەكچىلەر يەنىلا كاڭخا ئارىلىدا تۇرۇشلۇق بىردىنبىر دائىمىي ئارمىيە بولۇپ قالغان. 1270-يىلى (يۈەنزۇڭنىڭ 11-يىلى) كورىيە پادىشاھ جەمەتى موڭغۇللارغا تەسلىم بولغان ھەمدە كاڭخا ئارىلىنى ۋەيران قىلىپ، پايتەخت كەيچىڭغا قايتىشقان. ئۈچ ئالاھىدە جېسەكچىلەر قوشۇنى پادىشاھقا ئەگىشىپ كاڭخا ئارىلىدىن كېتىشنى خالىمىغان. بۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇلارنى تارقىتىۋېتىشكە بۇيرۇغان. ئۈچ ئالاھىدە جېسەكچىلەر قوشۇنى بۇيرۇققا ئىتائەت قىلماي سەردار بى جۇڭشۈن ۋە كېچىلىك ئالاھىدە جېسەكچىلەر قوشۇنىنىڭ قوماندانى لويۇڭشى قاتارلىقلارنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە پادىشاھ جەمەتىدىن بولغان چىڭخۇا بېگى ۋاڭۋىننى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن ھەمدە چوللانامدو ۋىلايىتىنىڭ جىنداۋ ئارىلىغا يۆتكىلىپ موڭغۇللار ۋە كورىيە پادىشاھلىقىنىڭ فېئودال ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. دېڭىز قاتنىشىنى تىزگىنلەپ ئاشلىق يۆتكەۋاتقان ھۆكۈمەت كېمىلىرىگە زەربە بېرىپ، دېڭىز ياقىسى رايونلارغا ھۇجۇم قىلغان. جەنۇبتىكى دېھقانلارمۇ قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشقان. 1271-يىلى (يۈەنزۇڭنىڭ 12-يىلى) موڭغۇل ئارمىيىسى بىلەن كورىيە ئارمىيىسى بىرلىشىپ، جىنداۋ ئارىلىغا ھۇجۇم قىلغان. ئۈچ ئالاھىدە جېسەكچىلەر دەنلا (چېچوداۋ ئارىلى) غا يۆتكىلىپ، جىن جىڭتۇڭنىڭ قوماندانلىقىدا جەنۇب تەرەپ دېڭىز بويى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان. 1273-يىلى (يۈەنزۇڭ- نىڭ 14-يىلى) موڭغۇل ئارمىيىسى بىلەن كورىيە ئارمىيىسى ھۇجۇم بىلەن دەنلانى ئالغان، جىن جىڭتۇڭ قاتارلىق كىشىلەر خەننوسان تېغىغا قېچىپ بېرىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۈچ ئالاھىدە جېسەكچىلەر قوشۇنىمۇ تارقىلىپ كەتكەن.

ئالاھىدە قوشۇن

  • ئالاھىدە قوشۇن[يەشمىسى:] ياپونىيە توكۇگاۋا شوگونلۇقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ناگاسۇ ۋاسساللىقىنىڭ قوراللىق قوشۇنى. 1863-يىلى تاكاسۇكى شىنساكۇ قاتارلىقلار پىدائىيلاردىن تاللاپ تەشكىللىگەن.ئەزاسى300 — 400 كىشىگە يېتىدۇ. ئاساسەن تۆۋەن دەرىجىلىك سامۇرايلار، دېھقانلار ۋە سودىگەرلەردىن تەركىب تاپقان. ناگاسۇ ۋاسساللىقىنىڭ شوگناتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ بازىسىغا ئايلانغان چاغدا، بۇ قوشۇن ئاساسىي كۈچ بولۇپ، سىمونوسېكى ۋەقەسى، ناگاسۇ ۋاسساللىقىدىكى ئىچكى ئۇرۇش، شوگناتنىڭ ناگاسۇ ۋاسساللىقىغا جازا يۈرۈشى قىلىش ئۇرۇشى ۋە ۋوچېن ئۇرۇشىدا زور رول ئوينىغان. يېڭىلىققا كۆچۈش ھاكىمىيىتى (مېيجى ھۆكۈمىتى) ئورنىتىلغاندىن كېيىن، 1869-يىلى ۋاسسال ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن، ئىككىنچى يىلى قوشۇندىن ئايرىلغان ئەسكەرلەر توپىلاڭ كۆتۈرگەن، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي باستۇرۇۋېتىلگەن. 

ئالاۋۇددىن

  • ئالاۋۇددىن[يەشمىسى:]Ala uddin، ؟ — 1564) جوھورى دۆلىتىنىڭ سۇلتانى (1528 — 1564). مالاككا دۆلىتىنىڭ سۇلتانى ماھمۇدنىڭ ئوغلى. ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى جوھورى لاما(Johore Lama، ھازىرقى كوتاتىنگى ئەتراپىغا جايلاشقان) دا يېڭى پايتەخت سېلىپ، پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن داۋاملىق كۈرەش قىلغان. 1539-يىلى، ئۆزىنىڭ سودىدىكى كۈچلۈك رىقابەتچىسى ئاتجىنى مەغلۇپ قىلغان. 1551-يىلى، قوشنا بەگلىكلەر بىلەن بىرلىشىپ، 200 كېمە ۋە تەخمىنەن بەش مىڭ كىشىلىك قوشۇننى سەپەرۋەر قىلىپ، پورتۇگالىيە ئىشغالىيىتىدىكى مالاككاغا ئۈچ ئاي قورشاپ ھۇجۇم قىلغان. 1564-يىلى ئاتجى جوھورى لاماغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ئالاۋۇددىننى ئەسىرگە ئالغان، ئۇ ئاتجىدا ئۆلۈپ كەتكەن.

ئالبا

  • ئالبا[يەشمىسى:]Fernando Alvarez de Duque de Alba Toledo، 1507 — 1582) ئىسپانىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرى. ئاقسۆڭەكلىكتىن كېلىپ چىققان. مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى كارلوسⅤ(CarlosⅤ) كە ئۇزۇن ۋاقىت ساداقەت كۆرسەتكەن.1525-يىلىدىكى ئىتالىيە ئۇرۇشىدا پاۋىيە جېڭىگە قاتناشقان. 1535-يىلى شىمالىي ئافرىقىنى ئىستېلا قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغاپ، تۈركلەرنىڭ قولىدىن تۇنىسنى تارتىۋالغان (كۆپ ئۆتمەي قولدىن بېرىپ قويغان). 1547-يىلى مولبېرگ ( Muhlberg، گېرمانىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بىر كىچىك بازار)تا گېرمانىيىدىكى پروتېستانت كىنەزلىرىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 1557-يىلى ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئابروززى-مولىس (Abruzzi e Molise) رايونىدا رىم پاپاسىنى مەغلۇپ قىلغان. فىلىپ Ⅱ ئىسپانىيە تەختىگە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، 1567-يىلى نىدېرلاندىيە باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا «توپىلاڭنى تەكشۈرۈش كومىتېتى» («توپىلاڭنى تىنچىتىش كومىتېتى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ، خەلق ئاممىسى ئۇنى «قانلىق كومىتېت» دەپ ئاتىغان) تەسىس قىلىپ، نىدېرلاندىيە ئىنقىلابچىلىرىنى قانلىق باستۇرغان ھەمدە يېڭى باجلارنى ئېلىپ،1572-يىلىدىكى نىدېرلاندىيە ئىنقىلابىنىڭ دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1573-يىلى ئىسپانىيىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن. 1580-يىلى يەنە قوشۇن باشلاپ بېرىپ، پورتۇگالىيىنى ئىشغال قىلغان. 

ئالبانىيە ئازادلىق كومىتېتى

  • ئالبانىيە ئازادلىق كومىتېتى[يەشمىسى:] ئالبانىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى 1905-يىلى موناستىر (Monastir) دا قۇرغان مەخپىي ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلات. ئالبانىيىنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە ئۇنىڭ مەخپىي يەرلىك كومىتېتلىرى قۇرۇلۇپ، ۋەتەننى ئازاد قىلىش يولىدا تەشۋىقات-تەرغىبات خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرغان. 1906-يىلى 1-ئايدا ئازادلىق كومىتېتىنىڭ داھىيسى توپۇللى (Topulli) تاغلىق رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كورچە شەھىرىدە تۇنجى قوراللىق قوشۇننى قۇرۇپ چىققان. كېيىن جەنۇبتا يەنە قوراللىق قوشۇنلارنى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇپ، تۈركىيە ئارمىيىسى بىلەن كۆپ قېتىم جەڭ قىلغان. 1906-يىلى 9-ئايدا كورچە شەھىرىدىكى گرېتسىيە باش ئېپىسكوپى فوتى (Foti) نى ئۆلتۈرۈپ، گرېتسىيە شوۋىنىزمچىلىرىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى چەكلىگەن. 1908-يىلى 3-ئايدا ۋەتەنپەرۋەر قوراللىق قوشۇن ماشكۇللورې (Mashkullore) دا تۈركىيە ئارمىيىسى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلىپ، ئالبانلارنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش قوزغىلىڭىغا باشلامچى بولغان. 

ئالبانىيە مەتبۇئات جەمئىيىتى

  • ئالبانىيە مەتبۇئات جەمئىيىتى[يەشمىسى:] 1879-يىلى ئالبانىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى ئىستانبولدا قۇرغان سىياسىي تەشكىلات. قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەخپىي پائالىيەتكە كۆچۈپ، مىللىي ھەرىكەتنىڭ رەھبەرلىك مەركىزىگە ئايلانغان. ئاساسلىق رەھبەرلىرى سامى فراشېرى، نائىم فراشېرى، ج. ۋرېتو (J. Vreto) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 1884-يىلى 8-ئايدا ئىستانبولدا ئالبانىيە تىلىدىكى«دېلتا»(«نۇر») قەرەللىك ژۇرنىلىنى نەشىر قىلىپ، 1887-يىلى ئۇنىڭ نامىنى «دىتورىيە» («بىلىم») گە ئۆزگەرتكەن. بۇ ژۇرنال مىللىي ئازادلىقنى تەشۋىق قىلىدىغان تەربىيە قورالىغا ئايلانغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا جەمئىيەت نامىنى ئالبانىيە كومىتېتىغا ئۆزگەرتىپ، داۋاملىق مەخپىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، مۇھاجىرلار جەمئىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتكەن، خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى قوزغاش ۋە ۋەتەننى ئازاد قىلىش كۈرىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.

ئالبانىيە مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى

  • ئالبانىيە مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى[يەشمىسى:] قىسقارتىلىپ ئالبانىيىنىڭ ئويغىنىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅨ ئەسىردە ئالبانىيە خەلقى دۆلەتنىڭ ئازادلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنى قوللىنىش ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ مەكتەپلىرىنى ئېچىشنى تەشەببۇس قىلغان مىللىي ھەرىكەت. 1844-يىلى نائۇم ۋىكىلوخارتز تەرىپىدىن تەشەببۇس قىلىنغان. 1864-يىلى كونىستانتىن كرىستوۋورىئا تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە ئالبانىيە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، سىناق تەرىقىسىدە مەكتەپ ئاچقان ھەمدە ئالبان تىلىدا يېڭى دەرسلىك كىتاب-لارنى تۈزۈپ چىققان. 1879-يىلى ئالبانىيە مەتبۇئات جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىك مەركىزى بولۇپ قالغان. 1884-يىلى 8-ئايدا تۇنجى قېتىم ئالبان تىلىدا «دېلتا» («نۇر») ئايلىق ژۇرنىلى نەشىر قىلىنغان. مەتبۇئات جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن سامى فراشېرى، ئاپتور فراشېرى، ج. ۋرېتو ( J. Vreto)، نائىم فراشېرى ۋە ئاندون چاجۇپى قاتارلىقلار ھەرىكەتنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ، ئالبان تىلىدا بىر قىسىم دەرسلىك كىتاب، شېئىرلار توپلىمى، سەھنە ئەسەرلىرى، پوۋېست قاتارلىقلارنى يازغان ھەمدە بەزى گېزىت-ژۇرناللارنى نەشىر قىلغان. تۈركىيە ھۆكۈمران دائىرىلىرى بىلەن گرېتسىيە چېركاۋى كۈرەش قىلىۋاتقان چاغدا، 1887-يىلى كورچا دېگەن جايدا ئالبانىيە بويىچە تۇنجى مىللىي مەكتەپ تەسىس قىلىنغان، باشقا رايونلاردىمۇ ئارقا-ئارقىدىن مەكتەپ قۇرۇلغان. رومىنىيە، بۇلغارىيە، مىسىر قاتارلىق جايلاردىكى ئالبانىيە مۇھاجىرلىرى رايونلىرىدىمۇ ئالبانىيە مەدەنىيەت ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغان. مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئالبانىيە مەدەنىيىتىنى تارقىتىشتا ئىجابىي تۆھپىلەرنى قوشقان. 

ئالبانىيە ئىتتىپاقى

  • ئالبانىيە ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] 1444-يىل 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ئالبانىيە گېرتسوگلىرى لېش (Lesh) شەھىرىدە تەشكىل قىلغان سىياسىي ۋە ھەربىي ئىتتىپاق. بۇنىڭغا مىللىي قەھرىمان ئىسكەندەربېي باشچىلىق قىلغان. ئىتتىپاق تۈركلەرنىڭ ئالبانىيىگە بېسىپ كىرىشىگە ۋە ئۇنى ئىشغال قىلىۋېلىشىغا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغان. ئىتتىپاق ھەرقايسى ئەزالىرىنى قورال بىلەن تەمىنلەپ، بىرلىككە كەلگەن ئارمىيە قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلىپ، ئىسكەندەربېينى مارشاللىققا تەيىنلىگەن. ئىتتىپاقنىڭ خەزىنىسى بولۇپ، مەبلەغنى ئىتتىپاق ئەزالىرى تاپشۇرغان. ئىتتىپاقداش بەگلىكلەرنىڭ گېرتسوگلىرى ئۆزلىرىنىڭ خوجىلىق يېرىدە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان. ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلۇشى ئالبانىيىدىكى تۈركىيىگە قارشى كۈرەشنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئالبانىيىنىڭ 1911 -يىلدىكى قوزغىلىڭى

  • ئالبانىيىنىڭ 1911 -يىلدىكى قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]ئالبانىيە خەلقىنىڭ تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمران-لى-قىغا قارشى تۇرۇش، مىللىي مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئازادلىق كۈرىشى. 1911-يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنى دېچىچ (Decic) تاغلىق رايونىدا قوزغىلاڭ پارتلىغان. قاتناشقۇچىلار سەككىز مىڭ كىشىگە يەتكەن. كېيىن غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى سىكودا ئەتراپىدىكى كەڭ رايونلارغا كېڭەيگەن. 6-ئاينىڭ 23-كۈنى قوزغىلاڭچىلار ئاپتونومىيە پروگراممىسى (يەنى «قىزىل تاشلىق كىتاب») نى ئوتتۇرىغا قويغان. 7-ئايدا، قوزغىلاڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي رايونلارغا كېڭەيگەن. 8-ئايدا، قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇھىغا قاتناشقان فېئوداللار تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن مۇرەسسەلىشىشنى تەلەپ قىلغان، ئاۋسترالىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى قاتارلىقلارمۇ قوزغىلاڭچىلارغا بېسىم ئىشلەتكەن، قوزغىلاڭچىلار پودگورىكا (Podgorica) دا تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. 

ئالبانىيىنىڭ 1912-يىلدىكى قوزغىلىڭى

  • ئالبانىيىنىڭ 1912-يىلدىكى قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]ئالبانىيە خەلقىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئازادلىق كۈرىشى. 1911-يىلى 12-ئايدا، ئالبانىيىلىك پارلامېنت ئەزالىرى تۈركىيە پارلامېنتىدا مىللىي ھوقۇق تەلەپ قىلغان. ئىككىنچى يىلى 1-ئايدا، ئالبانىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنتىنى تارقىتىۋېتىپ، يېڭى پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. شۇ يىلى 4-ئايدا، گجاكوۋا (Gjakova) رايونىدا قوزغىلاڭ پارتلىغان. 5-ئايدا، قوزغىلاڭ پۈتۈن كوسوۋو (Kosovo) غا تۇتاشقان. 6-ئايدا، ئالبانىيىنىڭ جەنۇبىي، ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمىغا كېڭەيگەن. 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پۈتۈن مىللەتنىڭ قوزغىلىڭىغا ئايلانغان. خرىستىئانلار (كاتولىك دىنى ۋە پىراۋوسلاۋىيە دىنى) ۋە مۇسۇلمان ئاھالىلىرى قاتناشقان. مىللەتپەرۋەر تەشكىلات قارا جەمئىيەتمۇ قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتناشقان. 8-ئايدا، قوزغىلاڭچىلار سىكوپىيە (Skopye)، فې-يرى (Fier)، پېرمېت(Permet)ۋە باشقا نۇرغۇن شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان. لېكىن قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان فېئوداللار ھالقىلىق پەيتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كېلىشىم ئىمزالاپ، ئالبانىيىنى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش بىلەن قانائەتلەنگەن، شۇنداق قىلىپ قوزغىلاڭ تولۇق غەلىبىگە ئېرىشەلمىگەن. قوزغىلاڭ تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، شۇ يىلى 11-ئايدىكى ئالبانىيىنىڭ مۇستەقىللىك جاكارلىشى ئۈچۈن شەرت-شارائىت يارىتىپ بەرگەن. 

ئالبانىيىنىڭ 1443-يىلدىكى ئومۇمىي قوزغىلىڭى

  • ئالبانىيىنىڭ 1443-يىلدىكى ئومۇمىي قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ئالبانىيىنىڭ تۈركىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى قوزغىلىڭى. تۈركلەر ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئالبانىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، ⅩⅤ ئەسىرنىڭ 20-، 30-يىللىرىغا كەلگەندە ئالبانىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى بېسىۋالغان. 1443-يىلى 11-ئايدا، ئالبانىيىنىڭ مىللىي قەھرىمانى ئىسكەندەربېي 300 ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ، پاراسەتلىك ۋە باتۇرلۇق بىلەن تۈركىيە ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسىدىن كرۇجە (Kruje) قورۇلىنى تارتىۋېلىپ، ئومۇمىي قوزغىلاڭنى باشلىغان.11-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىسكەندەر- بېي ئەركىن ئالبانىيە كىنەزلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان. خەلق ئاممىسى ۋە ھەرقايسى جايلارنىڭ گېرتسوگلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئاۋاز قوشۇپ، تۈركلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋالغان. 12-ئايغا كەلگەندە ئالبانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى بېسىپ ياتقان تۈركىيە ئارمىيىسىنى پۈتۈنلەي تازىلىغان. 1444-يىلى 3-ئايدا ئالبانىيە ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ، تۈركىيىگە قارشى كۈرەش يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. 

ئالبانىيىنىڭ 1847-يىلدىكى قوزغىلىڭى

  • ئالبانىيىنىڭ 1847-يىلدىكى قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]1847-يىلى ئالبانىيە خەلقىنىڭ تۈركىيىنىڭ فېئوداللىق زۇلمىغا ۋە مىللىي قۇل قىلىشىغا قارشى كۈرىشى. شۇ يىلى 7-ئايدا، تۈركىيە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ باج يىغىشىغا قارشى تۇرۇش يولىدا لابېرىيە (Laberia) دە قوزغىلاڭ پارتلىغان. 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قوزغىلاڭچىلار دولان كەنتىدە تۈركىيە ئارمىيىسىدىن بەش مىڭ كىشىنى يوقاتقان ھەمدە ھەرقايسى رايونلار بىلەن ئالاقە قىلىپ، بىرلەشمە كومىتېت قۇرغان. كېيىن تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ باستۇرۇشى بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.

ئالبا-يۇلىيە مىللىي پارلامېنتى

  • ئالبا-يۇلىيە مىللىي پارلامېنتى[يەشمىسى:] 1918-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى رومىنىيە ئىشچى-دېھقان ۋە زىيالىيلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئالبا-يۇلىيە (Alba _ Iuia) شەھىرىدە چاقىرغان پارلامېنت. رومىنىيە مەركىزىي مىللىي كومىتېتى چاقىرىشنى قارار قىلغان. ۋەكىلى 1228 نەپەر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رومىنىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشى بۇ جايغا كېلىپ، خەلق يىغىنىغا قاتناشقان. مىللىي پارتىيىنىڭ رەھبىرى ۋوسلې گولدىس (Vosile Goldis، 1862 — 1934) پارلامېنتنىڭ قارار لايىھىسى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. پارلامېنتنىڭ قارار لايىھىسىدە ترانسىلۋانىيە بىلەن رومىنىيە بىرلىشىدۇ، بىرلىشىشنىڭ تۈپ دېموكراتىك پرىنسىپى: يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش، سىياسىي ئەركىنلىك، دىنىي ئەركىنلىك بولۇش، بىللە ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۈرمەت قىلىش، ئەمگەككە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ، دەپ جاكارلانغان. ئۇنىڭدا يەنە مىللىي پارلامېنتنى پارلامېنتنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگان قىلىش قارار قىلىنغان. بۇ بىرلىشىش كېيىن قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بىلەن پارىژ سۈلھ كېڭىشىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، بۇ رومىنىيە مىللىي دۆلىتىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنىڭ ئورۇندالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئالبوچېرچې

  • ئالبوچېرچې[يەشمىسى:]Affonso de Albuquerque ، 1453 — 1515) پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىسى، پورتۇگالىيىگە قاراشلىق ھىندىستاننىڭ باش ۋالىيسى. 1506-يىلى پورتۇگالىيە پادىشاھى مانۇئېل ئۇنى ھىندىستانغا ئەۋەتكەن. ئۇ 1510-يىلى گوئا (Goa) نى ئىشغال قىلىپ، باش ۋالىي تۇرۇشلۇق جاي قىلغان. 1511-يىلى مالاككانى ئىشغال قىلىپ، ھىندى ئوكيان بىلەن تېچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول مالاككا بوغۇزىنى كونترول قىلغان. 1515-يىلى ستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئورمۇز (Ormuz، ئورنى پارىس قولتۇقىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا) شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. گوئادا ئۆلۈپ كەتكەن.

ئالبۇئىن

  • ئالبۇئىن[يەشمىسى:]Alboin، ؟ —572) ئىتالىيە لومباردىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئاساسچىسى. مىلادى 565-يىلى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ لومباردىيىلىكلەرنىڭ ھەربىي باشلىقى بولغان. ئافاللار بىلەن بىرلىشىپ گېرىدالار (Geridae، گېرمانلارنىڭ بىر تارمىقى) نى مەغلۇپ قىلىپ، گېرىدا كورۇلىنى ئۆلتۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭ قىزى روساموند (Rosamund) نى ئالغان. 568-يىلى ئۆز قوۋمىدىكى ئاممىنى ۋە گېرىدالارنىڭ بىر قىسمىنى، سۇئېۋىلار، ساكسونلارنى باشلاپ ئىتالىيىگە بېسىپ كىرىپ، لومباردىيە ۋە توسكانانى بويسۇندۇرۇپ، لومباردىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا روساموند بۇ ئىشقا قاتناشقانىكەن.

ئالبېرت

  • ئالبېرت[يەشمىسى:]Carlo Alberto، 1798 — 1849) ساردىنىيە كورۇلى(1831 — 1849). ساۋوييا خان جەمەتىدىن كېلىپ چىققان. 1821-يىلى پېمونتتا قوزغىلاڭ پارتلىغاندا نايىب بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئۇ قوزغىلاڭچىلار بىلەن خان جەمەتىنى ياراشتۇرغۇچى بولۇپ، ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلماقچى بولغان، لېكىن قارشىلىققا ئۇچراپ فلورېنسىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان. 1831-يىلى تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىتالىيىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى تىكلىمەكچى بولغان. 1848-يىلدىكى ئىنقىلاب ۋەزىيىتى ئاستىدا ئاساسىي قانۇن (يەنى «ئالبېرت نىزامى»، «1848-يىلدىكى پېمونت ئاساسىي قانۇنى» غا قاراڭ) ئېلان قىلغان، لېكىن يەنە ئىنقىلابنىڭ چوڭقۇرلىشىشىدىن قورقۇپ، مۇرەسسە قىلىپ يول قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان، شۇڭا ئۇ «تۇراقسىز پادىشاھ» دەپ ئاتالغان. 1848-يىلى 3-ئايدا ئاۋسترىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان، ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمىگەچكە، 7-ئايدىكى كۇستوسا (Custoza) جېڭىدە مەغلۇپ بولغان. ئىككىنچى يىلى 3-ئايدا ساردىنىيە ئارمىيىسى نوۋارا (Navara) دا يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭ بىلەن تەختنى ئوغلى ئېممانۇئېل Ⅱ گە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە پورتۇگالىيىگە قېچىپ كەتكەن. 

ئالبېرتⅠ

  • ئالبېرتⅠ[يەشمىسى:]Albert Ⅰ، 1875 — 1934) بېلگىيە كورۇلى (1909 — 1934). بريۇسسېلدا تۇغۇلغان. لېئوپولد Ⅱ نىڭ جىيەنى. فلاندىرىيە گرافىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى. لېئوپولد Ⅱ نىڭ يالغۇز ئوغلى ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ئۆلگەندىن كېيىن تەخت ۋارىسى بولغان. ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان. 1893 — 1898-يىللىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1900-يىلى باۋارىيە گېرتسوگىنىڭ قىزى بىلەن توي قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدا ھەربىي ھازىرلىقلارنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان. دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا كۈچىنىڭ بارىچە زەربە بەرگەن. كېيىن ناموردا تاغقا چىقىۋاتقاندا يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتكەن. 

ئالبېرت نىزامى

  • ئالبېرت نىزامى[يەشمىسى:] يەنى «1848-يىلىدىكى پېمونت ئاساسىي قانۇنى». 

ئالبىچىلار ئۇرۇشى

  • ئالبىچىلار ئۇرۇشى[يەشمىسى:]1209 — 1229-يىللىرى رىم پاپاسىنىڭ ئالبىچىلارغا قوزغىغان ھەربىي جازا يۈرۈشى. Ⅻ ئەسىردىلا پاپا ۋە كاتولىك چېركاۋى ئالبىچىلارغا ھەر خىل باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ نەتىجە قازىنالمىغان. تولۇزا گرافى رايموندⅥ(Raymond Ⅵ، 1156 — 1222)فرانسىيە كورۇلى ۋە پاپا بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تەپرىقىچى ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئالبىچىلارنى قوللىغان. 1209-يىلى پاپا ئىننوسېن Ⅲ جازا يۈرۈشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەھلىسەلىپ قوشۇنى تەشكىللەپ، ئۇنىڭغا سىتو مۇناستىرىنىڭ باشلىقى ئارنولد (Citeaux Arnold of) نى ۋە سىمون دې مونتفورت (Montfort Simon De، تەخمىنەن 1160 — 1218) نى باشلىق قىلغان. شۇ يىلى ئەھلىسەلىپ قوشۇنى فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا بېسىپ كىرىپ، تىنچ ئاھالىلەرنى قانلىق قىرغىن قىلىپ، مال-مۈلۈكلەرنى بۇ- لاپ-تالىغان، 1213-يىلى ئالبىچىلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. 1216-يىلى تولۇزا خەلقى ئەھلىسەلىپ قوشۇنىنىڭ ياۋۇز ھۆكۈمرانلىقىغا نارازى بولۇپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە 1218-يىلى سىمون دې مونتفورتنى ئۆلتۈرگەن. 1226-يىلى فرانسىيە كورۇلى ليودۋىك Ⅷ ئەسكەر چىقىرىپ باستۇرغان. 1229-يىلى ئالبىچىلار ئاخىر مەغلۇپ بولغان. تولۇزا كىنەزلىكى فرانسىيە كورۇلىنىڭ يېرىگە قوشۇۋېتىلگەن. 

ئالبرېخت

  • ئالبرېخت[يەشمىسى:]Albrecht der Bar، تەخمىنەن 1100 — 1170) لەقىمى «چوڭ ئېيىق». براندېنبۇرگ كىنەزى (1150 — 1170). 1134-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى كورۇلى لوتار Ⅱ ئۇنىڭغا شىمالىي ماركنى مۆھۈرلەپ بەرگەن. 1147-يىلى ساكسونىيە ۋە باۋارىيە گېرتسوگى ھىنرى (شىر) بىلەن بىرلىشىپ پولابېسكىي سلاۋيانلىرىغا ھۇجۇم قىلغان؛ 1150-يىلى برانىبور (Branibor) نى ئىگىلەپ، ئۇنى براندېنبۇرگقا ئۆزگەرتىپ، براندېنبۇرگ كىنەزلىكىنى قۇرغان. ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، يەرلىك سلاۋيانلارنى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلاپ، نېمىسلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلغان ھەمدە گېرمانىيە ۋە نىدېرلاندىيىدىن كۆپلىگەن مۇستەملىكىچىلەرنى چاقىرىپ كەلگەن. 1162-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى فرېدرىخ Ⅰ («قىزىل ساقال») بىلەن بىللە ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلغان. 

ئالبىززى جەمەتى

  • ئالبىززى جەمەتى[يەشمىسى:]ئىتالىيىدىكى فلورېنسىيىدە ئۆتكەن قەدىمكى جەمەت. ئارېززو شەھىرى (Arezzo، فلورېنسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان) دە روناق تاپقان. Ⅷ ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ ۋەكىلى فلورېنسىيە ھۆكۈمىتىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ⅪⅤ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ⅩⅤ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئۇلار فلورېنسىيە ھاكىمىيىتىنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. 1434-يىلى مېدىچ جەمەتى ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسقان. كېيىن ئۇلار فلورېنسىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.

ئالتامىرا ئۆڭكۈر رەسىملىرى

  • ئالتامىرا ئۆڭكۈر رەسىملىرى[يەشمىسى:]ئىسپانىيە كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگى-للىرىدىكى ئۆڭكۈر رەسىملىرى. ئىسپانىيىنىڭ شىمالىدىكى سانت-اندېر(Santander) نىڭ جەنۇبىغا 35 كىلومېتر كېلىدىغان ئالتامىرا (Altamira) ئۆڭ-كۈرىدە 1879-يىلى تېپىلغان. 1901-يىلغا كەلگەندە فرانسىيە ئارخېئولوگى بىرېئوئىل قاتارلىق كىشىلەر تەكشۈرگەندىن كېيىن ئاندىن كونا تاش قورال دەۋرىگە ئائىت تام رەسىملىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. ئۆڭكۈر 270 مېتر ئۇزۇنلۇقتىكى تەرتىپسىز ئۆڭكۈر بولۇپ، تام رەسىملىرى ئۆڭكۈر ئېغىزىدىن ئىچكىرىگىچە بولغان خېلى ئۇزۇنلۇققىچە سىزىلغان. ئاساسەن كىرىش ئېغىزىنىڭ سول تەرىپىدىكى ئۇزۇنلۇقى 18 مېتر، كەڭلىكى 8 — 9 مېتر كېلىدىغان «چوڭ ئۆي» نىڭ ئۆگزە قىسمىغا مەركەزلەشكەن. ئۆڭكۈر تاملىرىنىڭ ئوڭغۇل-دوڭغۇللۇقىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ ئات، بۇغا، كالا قاتارلىق ئەمەلىي سېزىمگە ئىگە ھايۋاناتلارنى سىزغان، ئاز ساندا ئادەمسىمان مايمۇنلىرىنىڭ ئوبرازىمۇ سىزىلغان، ئادەم سۈرىتى سىزىلمىغان، سىزىش ماھارىتى ۋە ئۇسۇلى پىششىق، ئىخچام ھەم كۆركەم. ماگدالېن (Magdalenien) مەدەنىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە مەنسۇپ بولغان ھەر خىل رەڭلىك رەسىملەر بىرقەدەر كۆپ. ئۇ كونا تاش قورال دەۋرىدىكى رەسساملىقنىڭ يۈكسەك سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھازىر ئالتامىرا ئۆڭكۈر سەنئىتى مۇزېيى قۇرۇلغان.

ئالتە مەھكىمە

  • ئالتە مەھكىمە[يەشمىسى:]چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ۋە لى سۇلالىسىدىكى بىر خىل ئەمەل تۈزۈمى. كورىيە پادىشاھى تەيزۇ مەزگىلىدە (918 — 943-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان)، مەركىزىي ئورگاندا ئەمەلدارلارنى تاللاش مەھكىمىسى، پۇقرالار مەھكىمىسى، شىغاۋۇل مەھكىمىسى، لەشكەر مەھكىمىسى، زىندان مەھكىمىسى، ھۈنەر-كەسىپ مەھكىمىسى قاتارلىق ئالتە ئەمەل تەسىس قىلىنىپ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى باشقۇرغان. چىڭزۇڭ دەۋرىگە كەلگەندە (982 — 997-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان)، مەنسەپ-تۇتۇق پىرقىسى، نوپۇس پىرقىسى، شىغاۋۇل پىرقىسى، لەشكەر پىرقىسى، زىندان پىرقىسى، ھۈنەر-كەسىپ پىرقىسى قاتارلىق ئالتە پىرقە تەسىس قىلىنغان. كېيىن مەركەزنىڭ ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنىڭ نامى بىرقانچە رەت ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئالتە مەھكىمە تۈزۈمىنى ساقلاپ قالغان. 1389-يىلى (گوڭراڭ خاننىڭ تۇنجى يىلى)، مەنسەپ-تۇتۇق مەھكىمىسى، نوپۇس مەھكىمىسى، شىغاۋۇل مەھكىمىسى، لەشكەر مەھكىمىسى، زىندان مەھكىمىسى، ھۈنەر-كەسىپ مەھكىمىسى قاتارلىق ئالتە مەھكىمە دەپ ئاتالغان، لى سۇلالىسىمۇ ئۆزگەرتمەي شۇ پېتى قوللانغان. «دۆلەت دەستۇرى» دېگەن كىتابتا بۇ ئالتە مەھكىمە باشقۇرىدىغان ئىشلارنىڭ دائىرىسى مۇنداق بەلگىلەنگەن: مەنسەپ-تۇتۇق مەھكىمىسى ئەمىر-پەرمان، يېزىقچىلىق ئىشلىرى، تۆھپىسىگە قاراپ ئەمەل بېرىش، ئىمتىھان ئېلىش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولۇش؛ نوپۇس ئەمەلدارى نوپۇسنى باشقۇرۇش، خىزمەتكە تەيىنلەش،ئېتىز-ئېرىق، يېمەك-ئىچمەك، نەرسە-كېرەك قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولۇش؛ ئەدەب-قائىدە ئەمەلدارى سەنئەت، ئۆلۈم-يېتىم، زىياپەت، ئوردىغا تەكلىپ قىلىش، مەكتەپ، ئەمەلدارلىق ئىمتىھان ئېلىش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولۇش؛ لەشكەر ئەمەلدارى ھەربىي سەردارلارنى تاللاش، ھەربىي ئىشلار، قورۇقچى-مۇھاپىزەتچىلەرنى قويۇش، خەت-ئالاقە، ھەربىي لازىمەتلىك، قورال-ياراق، ئوردا مۇھاپىزىتى، خەزىنە قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولۇش؛ زىندان ئەمەلدارى قانۇن، ھەق-ناھەقنى ئايرىش، دەۋا-سوراق، قۇل قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولۇش؛ ھۈنەر-كەسىپ ئەمەلدارى تاغ، ئورمان، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ئوزۇق-تۈلۈك، مېتالچىلىق قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولۇش دەپ بەلگىلەنگەن. 1436-يىلى (شېزۇڭنىڭ 18-يىلى) ئالتە ئەمەلنى ھۆكۈمەت تەستىقلايدىغان بولغان. كېيىن كۆپ قېتىم قىسقارتىلىپ، 1907-يىلغا كەلگەندە ئاندىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

ئالتە ئۇستاز

  • ئالتە ئۇستاز[يەشمىسى:]قەدىمكى ھىندىستاندىكى ئالتە مۇتەپەككۇر. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە بۇددا دىنى گۈللەنگەن ھەمدە تارقىلىشقا باشلىغان. بۇ چاغدا ئەسلىدە تارقىلىپ يۈرگەن بۇددا دىنىغا ئوخشىمايدىغان ھەرقايسى گۇرۇھلارنىڭ تەلىماتلىرى بولسا «بۇددا دىنىغا يات تەلىمات» دەپ ئاتالغان. بۇنىڭ ئىچىدە تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان ئالتە گۇرۇھنىڭ ۋەكىلى «ئالتە ئۇستاز» ياكى «يات دىننىڭ ئالتە ئۇستازى» دەپ ئاتالغان. ئۇلار: جاھاننىڭ رەپتايىغا كىرىۋالغۇچىلارنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى ئاجىتا كېساكامبالا(Ajita Kesakambala)، جايىنىس دىنىنىڭ كەشپىياتچىسى نىگانتا ناتاپۇتتا (Nigantha Nataputta)، ۋاردامانا(Vardhamana)، تەقدىرچىلەرنىڭ كاتتىبېشى ماسكارى گوسالىپۇترا(Maskari Gosaliputra)، گۇمانخورلارنىڭ ئۇستازى پۇرانا كاسىياپا (Purana Kasyapa)، چېكىدىن ئاشقان دائىم ئۇچراش سەپسەتىسىدىكىلەرنىڭ (مېخانىكىلىق ماددا مەركىزىنىڭ ئىككى مەنبەسى يوقالمايدۇ نەزەرىيىسى) ئۇستازى كراكۇدا كاتيانا ( Krakuda Katyana)، سوفتلارنىڭ ئۇستازى سانجايا ۋائىراتىپۇترا(Sanjaya Vairatiputra) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئالتۇن پۇل مەھكىمىسى

  • ئالتۇن پۇل مەھكىمىسى[يەشمىسى:]ياپونىيە ئىدۇ دەۋرىدىكى ئالتۇن پۇل قۇيىدىغان مەھكىمە. 1595-يىلى (ۋىنلۇنىڭ 4-يىلى) توكۇكاۋا ئۇچىياسى تۇشىتومى سابۋرونى چاقىرىپ ئىدۇدا ئالتۇن پۇل قۇيدۇرغان. كېيىن شىزوكا، توكيو ۋە سادوشىما قاتارلىق جايلاردا پۇل قۇيۇش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلغان.1603-يىلى (چىڭچاڭنىڭ 8-يىلى) ئىدۇ شوگناتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىدۇدىكى ئالتۇن پۇل مەھكىمىسىنى مەركەز قىلغان. كونا ئورنى ھازىرقى توكيو شەھىرىدىكى ياپونىيە باش بانكىسىنىڭ جايلاشقان ئورنىدا. 

ئالتۇن تاج قەبرىستانلىقى

  • ئالتۇن تاج قەبرىستانلىقى[يەشمىسى:]چاۋشيەننىڭ سېللا دەۋرىدىكى قەدىمكى قەبرىستانلىق. چىڭ شاڭبېيداۋ ۋىلايىتىدىكى چىڭجۇ شەھىرى جەنۇبىي يولىنىڭ غەرب تەرىپىدە. 1921-يىلى تېپىلغان. ياپونلۇقلار كولىغان، قەبرىگە كىمنىڭ دەپنە قىلىنغانلىقى ئېنىق ئەمەس، قازغاندا ئالتۇن تاج چىققانلىقى ئۈچۈن شۇنداق نام بېرىلگەن. دەپنە شەكلى جەھەتتە يەرنىڭ ئاستىغا چاسا ياغاچلار بىلەن تىك تۆت تەرەپلىك گۆر ياسالغان، قەبرە ئۈستىگە تاش دۆۋىلەنگەن، ئۈستىگە يەنە توپا ياتقۇزۇلۇپ، يۇمىلاق دۆڭ قەبرە ھاسىل قىلىنغان. ئاستىنىڭ دىئامېترى 45 مېتر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 12 مېتر كېلىدۇ. گۆرنىڭ ئىچىگە سىرلانغان مېيت ساندۇقى قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن ئالتۇندىن ياسالغان تاج قاتارلىق زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى، ھەر خىل جاملار، قورال-ياراق ۋە ئاتنىڭ ئېگەر-جابدۇقلىرىغا ئوخشاش دەپنە بۇيۇملىرى چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن ۋە كۈمۈش بۇيۇملار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كەھرىۋا، مەرۋايىت، كرىستال ۋە يېشىل قاشتېشى، ئەينەك قاتارلىقلارمۇ بار. ئالتۇن تاج نېپىز ئالتۇن تاختىدىن قۇشنىڭ قانىتى شەكلىدە ياسالغان، چۆرىسىگە ھەر خىل نەقىشلەر چېكىلگەن، رەڭگا رەڭ ئېسىل دۇر-جاۋاھىرلاردىن كۆز قويۇلغان. بۇ قەبرە تەخمىنەن مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە Ⅵ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدۇ، قەدىمكى سېللا مەدەنىيىتى ھەمدە جۇڭگو، ياپونىيە، شىمالىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق جايلار بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە.

ئالتۇن تامغىلىق يارلىق

  • ئالتۇن تامغىلىق يارلىق[يەشمىسى:]1) 1222-يىلى ۋېنگرىيە كورۇلى ئاندراس Ⅱ نىڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەجبۇرلىشى ئارقىسىدا چۈشۈرگەن يارلىق. ئۇنىڭ تولۇق تېكىستى جەمئىي 31 ماددا بولۇپ، پىرگامېنتقا يېزىلغان. يەتتە نۇسخا بولۇپ، ھەممىسى يوقىلىپ كەتكەن. ئاساسەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ سۇيۇرغال يېرىنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قېلىشىنى ئېتىراپ قىلىش؛ ئاقسۆڭەكلەر ۋە چېركاۋلارنىڭ باج-سېلىقىنى كەچۈرۈم قىلىش؛ دۆلەت ئەمەلدارلىرى رۇخسەتسىز ھالدا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قورۇقىغا كىرمەسلىك، پادىشاھ ھەر يىلى بىر قېتىم پارلامېنت يىغىنى ئېچىپ، ئاقسۆڭەكلەرنى ئەركىن ھالدا يىغىنغا قاتناشتۇرۇش؛ پادىشاھ ئەگەر يۇقىرىدىكى ماددىلارنى ئىجرا قىلمىسا، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ پادىشاھقا قارشى تۇرۇش، ھەتتا قورال كۈچى ئىشلىتىش ھوقۇقى بولۇشتەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يارلىق ۋېنگرىيىنىڭ فېئودال ھۆكۈمەتسىزلىك ۋەزىيىتىنى يامانلاشتۇرۇۋەتكەن. 1687-يىلى بىكار قىلىنغان. (2) 1356-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى نيورىنبېرگ ۋە مېتز (Metz، ھازىرقى فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى)دا ئۆتكۈزۈلگەن ئىمپېرىيە پارلامېنتىدا ماقۇللانغاندىن كېيىن ئىمپېراتور چارلېس Ⅳ چۈشۈرگەن يارلىق. مەزمۇنى: پادىشاھ پادىشاھ سايلىغۇچى بەگلەرنىڭ سايلىمى ئارقىلىق بارلىققا كېلىش؛ سايلام يىغىنى پادىشاھلىق ئورۇن ئۈچ ئاي بوش قالغان مەزگىلدە مېتزنىڭ باش ئېپىسكوپى تەرىپىدىن چاقىرىلىش، يىغىن ئورنى مائىن دەرياسىنىڭ بويىدىكى فرانكفورتتا بولۇش، نامزاتلار كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئىگە بولغاندا سايلىنىش رەسمىي بېكىتىلگەن. يارلىقتا يەنە پادىشاھ سايلىغۇچى بەگلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەردە ئەدلىيە، مېتال پۇل قۇيۇش، كان قېزىش ۋە باج ئېلىش قاتارلىق ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولۇشى بېكىتىلگەن. يارلىقتا بەگ-غوجىلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن شەھەرلەردە ئىتتىپاق بولۇپ ئۇيۇشۇش مەنئى قىلىنغان. يارلىق پادىشاھلىق ھوقۇقىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇپ، گېرمانىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن پارچىلىنىشىنى تېزلىتىۋەتكەن. 1806-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى يوقالغاندىن كېيىن بۇ يارلىقنىڭمۇ رولى قالمىغان.

ئالتۇن راۋاق

  • ئالتۇن راۋاق[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ موروماچى دەۋرىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى. ھازىرقى كيوتۇ شەھىرىنىڭ لۇيۈەن ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچىدە. چوڭ ئاقسۆڭەك سايئون-تېرائى كىتاتايامادىكى چارباغنى ئاشىكاگا يوشىئوغا بەرگەن، ئۇ بۇ جايغا 1397-يىلى يېڭى داچا سالدۇرغان. تاملىرىغا ئالتۇن قەغەز چاپلانغانلىقتىن ئالتۇن راۋاق دەپ نام بېرىلگەن. قۇرۇلۇش ئۈچ قەۋەت بولۇپ، بىرىنچى قەۋىتى ئامىتا سارىيى، ئىككىنچى قەۋىتى ئاۋالوكتېسىۋارا قەسىرى بولۇپ، ياپون پاسونىدىكى ئولتۇراق بىنا؛ ئۈچىنچى قەۋىتى تاڭ سۇلالىسى پاسونىدىكى بۇددا راۋىقىدىن ئىبارەت. راۋاقنىڭ كەينىدە كىنوگاسا تېغى بولۇپ، ئالدى تەرىپىدە كۆل بار. ئۇ ياپونىيە بىناكارچىلىقىدىكى ئوردا ئاقسۆڭەكلەر مەدەنىيىتى بىلەن دىيانا مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ ياسالغان مۇھىم خارابە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1950-يىلى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. 1955-يىلى قايتىدىن رېمونت قىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

ئالتۇن قىرغاق (

  • ئالتۇن قىرغاق ([يەشمىسى:]1) دېڭىز قىرغىقىنىڭ نامى بولۇپ، ئافرىقىدىكى گۋېنىيە قولتۇقىنىڭ ۋولتا (Volta) دەرياسى ئېغىزىدىن تانۇ (Tano) دەرياسى ئېغىزىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى دېڭىز ياقىسى رايونىنى كۆرسىتىدۇ. ئالتۇن كان بايلىقى مول بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. (2) ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىكى گانانىڭ نامى. 1844-يىلى ئەنگلىيە گانانىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى بەزى خەلىپىلەرنى شەرتنامە ئىمزالاپ، ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. 1874-يىلى ئۆز ئالدىغا ئالتۇن قىرغاق مۇستەملىكىسى قۇرۇپ، باش ۋالىي قويۇپ باشقۇرغان. 1897-يىلى شىمالدىكى رايونلارنى قوشۇۋېلىپ، «شىمال زېمىندىكى ھامىيلىق جاي» قۇرغان. 1896-يىلى ئاسانتې قوشما شتاتىنى بېسىۋالغان. 1902-يىلى ئاسانتې بىلەن شىمالدىكى زېمىنلارنىڭ ئالتۇن قىرغاققا قوشۇلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ئالتۇن قىرغاق باش ۋالىيسى ئالدىدا مەسئۇل بولىدىغان بىردىن باش مەمۇرىي ئەمەلدار قويغان. 1922-يىلى توگودىكى ئەن-گ-لىيە باشقۇرۇش رايونى ئۇنىڭ تەۋەلى-كىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1957-يىلى مۇستەقىللىك جاكارلاپ، گانا دەپ ئاتالغان.

ئالتۇن قىرغاق بىرلىككە كەلگەن كونگېرىس پارتىيىسى

  • ئالتۇن قىرغاق بىرلىككە كەلگەن كونگېرىس پارتىيىسى[يەشمىسى:] گانادىكى تۇنجى مىللەتپەرۋەر پارتىيە. 1947-يىلى قۇرۇلغان، رەھبىرى دانكا(Danquah، 1895 — 1965). «بالدۇرراق ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش» نى تەشەببۇس قىلغان. 1948-يىلى ئىنكروما باش شۇجى بولغان. 1949-يىلى ئەنگلىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش ئىسلاھات لايىھىسىگە نىسبەتەن پىكىر ئىختىلاپى بولغانلىقتىن، بۇ پارتىيىدە بۆلۈنۈش بولغان. ئىنكروما ۋە كۆپچىلىك پارتىيە ئەزالىرى خەلق كونگېرىس پارتىيىسى تەشكىل قىلغان؛ قالغانلىرى گانا كونگېرىس پارتىيىسى تەشكىل قىلغان.

ئالتۇن كۇرسا

  • ئالتۇن كۇرسا[يەشمىسى:]ئاسانتې ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىق روھى ۋە ئەڭ ئالىي ھوقۇقنىڭ سىمۋولى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئوسىئې تۇتۇ (Osie Tutu، تەخمىنەن 1697 — 1731-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرىدە مەلۇم بىر جۈمە كۈنى ئالتۇن بىلەن قاپلانغان بىر ياغاچ كۇرسا ئاسماندىن ئۇنىڭ ئالدىغا چۈشكەنمىش، ھەرقايسى شتاتنىڭ باشلىقلىرى بۇ كۇرسنى قوغداشقا قەسەمياد قىلىشىپ، ئاسانتې ئىتتىپاقىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى نامايەندە قىلغان. 1900-يىلى ئەنگلىيە ئاسانتېلارنى ئالتۇن كۇرسىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىغان. شۇنداق قىلىپ، ئاسانتېۋا قوزغىلىڭى كېلىپ چىققان. 

ئالتۇن ئوردا خانلىقى

  • ئالتۇن ئوردا خانلىقى[يەشمىسى:]يەنى «قىپچاق خانلىقى».

ئالتۇن يارلىق

  • ئالتۇن يارلىق[يەشمىسى:]يەنى «ئالتۇن تامغىلىق يارلىق».

ئالجىرىيە-فرانسىيە كېلىشىمى

  • ئالجىرىيە-فرانسىيە كېلىشىمى[يەشمىسى:] يەنى «ئېۋىئان كېلىشىمى».

ئالجىرىيە مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى

  • ئالجىرىيە مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى[يەشمىسى:]1954 — 1962-يىللىرى ئالجىرىيە خەلقىنىڭ فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مىللىي مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشى، 1954-يىلى 8-ئايدا ئالجىرىيە ئىنقىلابچىلىرى «ئىتتىپاقلىق ۋە ھەرىكەت كومىتېتى» (كېيىن مىللىي ئازادلىق سېپىگە ئۆزگەرتىلگەن) تەشكىللەپ، قوراللىق كۈرەش قىلىشقا تەييارلىق قىلغان. 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئائۇرېس تاغلىق رايونىدا ئاۋۋال قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. 12-كۈنى كابېيلى تاغلىق رايونى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئاۋاز قوشقان، پارتىزانلىق ئۇرۇشى تېزلىكتە پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيگەن. 1956-يىلى 8-ئايدا سۇمام قۇرۇلتىيىدا «مىللىي ئازادلىق سەپ پروگراممىسى» ماقۇللىنىپ، مۇستەملىكىچىلىك تۈزۈمىنى پاچاقلاپ تاشلاشتىن ئىبارەت ئىنقىلاب نىشانىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 1958-يىلى مىللىي ئازادلىق ئارمىيە تەرەققىي قىلىپ 130 مىڭ كىشىگە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم زېمىنىنى ئازاد قىلغان. 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئالجىرىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، ئابباس (Ferhat Abbas) زۇڭلى بولغان. 1959-يىل 9-ئاينىڭ 16-كۈنى دېگولل ئالجىرىيىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. 1962-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى «ئېۋىيان كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان. 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئالجىرىيە رەسمىي مۇستەقىللىك جاكارلاپ، فرانسىيىنىڭ 130 نەچچە يىللىق مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەن. 

ئالدرىدگې

  • ئالدرىدگې[يەشمىسى:]Ira Freperick Aldridge، 1805 — 1867) ئامېرىكىلىق نېگىر ئارتىس. نيۇ-يورك شەھىرىدە ئەركىن نېگىر قۇل ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مەشھۇر ئارتىس كېئان (Edmund Kean) نىڭ ھەمراھى بولغان. كېئاننىڭ ياردىمى بىلەن گلازگو ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەن. 1827-يىلى لوندون خانلىق تىياتىرخانىسىدا تۇنجى قېتىم ئوتېللونىڭ رولىنى ئېلىپ چىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. كېيىن تىياتىر ئۆمىكىنى باشلاپ ياۋروپاغا بېرىپ ئويۇن كۆرسەتكەن. 1830 — 1831-يىللىرى ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىپ ساياھەت قىلغان ھەمدە ئويۇن كۆرسىتىپ سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقتىن، يەنە ياۋروپاغا قايتىپ كەتكەن. 1863-يىلى ئەنگلىيىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. شېكىسپېر، شېللې قاتارلىقلارنىڭ 50 نەچچە سەھنە ئەسىرىنى ئويناپ چىققان بولۇپ، ئوتېللو، پادىشاھ لىر، شېلوك، مەكبىس قاتارلىقلارنىڭ رولىنى ئېلىش بىلەن داڭق چىقارغان.

ئالفونسوⅠ

  • ئالفونسوⅠ[يەشمىسى:]Alfonso I، ؟ — 1543) كونگو پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (1506 — 1543). ئەسلى نىسوندى ئۆلكىسىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1506-يىلى تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 1540-يىلى پەرمان چىقىرىپ قۇللارنى ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلىپ، پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ يوشۇرۇن قەست قىلىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بەختكە يارىشا بالا-قازادىن ئامان قالغان.

ئالفونسوⅠ

  • ئالفونسوⅠ[يەشمىسى:]Alfonso Ⅰ ياكى Affonso Ⅰ، ياكى AlphonsoⅠ، 1110 — 1185) پورتۇگالىيە بۇرگۇند خاندان-لىقىنىڭ كورۇلى (1139 — 1185). 1112-يىلى ئۈچ ياش ۋاقتىدا ئاتىسىنىڭ ئۇنۋانىغا ۋارىسلىق قىلىپ پورتۇگالىيە گرافى بولغان، ئۇنىڭغا ئانىسى ھامىيلىق قىلغان. 1128-يىلى ئۆزى ھا- كىمىيەت يۈرگۈزگەن. قولدىن كەتكەن جاي- لارنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى داۋامىدا 1139-يىلى 7-ئايدا ئوۋرىچى (Oorique) شەھىرىدە ئەرەبلەرنى مەغلۇپ قىلغان، ئۇزۇن ئۆتمەي قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھىمايىسىدە كورۇل بولغان ھەمدە پورتۇگالىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. كېيىن يەنە ئەرەبلەرنى بىرنەچچە قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، 1146-يىلى سانتارېمنى(Santarem) قايتۇرۇۋالغان؛ 1147-يىلى 10-ئايدا ئەنگلىيە رىتسارلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن لىسسابوننى ئىشغال قىلىپ پايتەخت قىلغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە دېھقانچىلىققا رىغبەتلەندۈرۈپ، شەھەرلەرنى بىنا قىلىپ، ئۇزۇن ۋاقىتلىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ۋەيران بولغان ئىجتىمائىي ئىگىلىكنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 

ئالفونسوⅢ

  • ئالفونسوⅢ[يەشمىسى:]AlfonsoⅢ ياكى AffonsoⅢ، ياكى AlphonsoⅢ، 1210 — 1279). پورتۇگالىيە بۇرگۇند خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1248 — 1279). 1249 — 1251-يىللىرى ئەرەبلەرنىڭ قولىدىن ئالگارۋىي (Algarve، فارو [Faro] دەپمۇ ئاتىلىدۇ) رايونىنى قايتۇرۇۋېلىپ، پورتۇگالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. مالىيەنى ئىسلاھ قىلىپ، سودىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ھەمدە چېركاۋ بىل-ەن كۈرەش قىلىپ، پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىگەن.

ئالفونسوⅤ

  • ئالفونسوⅤ[يەشمىسى:]1) (Alfonso Ⅴ، تەخمىنەن 1385 — 1458) ئاراگون بىلەن سىتسىلىيىنىڭ كورۇلى (1416 — 1458). 1442-يىلى نېئاپولنى ئىشغال قىلغان ھەمدە سىتسىلىيە بىلەن نېئاپولنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى «ئىككى سىتسىلىيە كورۇلى» دەپ ئاتىغان (ئالفونسو Ⅴ دەپ ئاتىغان، 1442 — 1458). تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە مەدەنىيەتنى جانلاندۇرۇپ، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى كۆپلىگەن قابىلىيەتلىك شەخسلەرنى جەلپ قىلغان. (2)(AlfonsoⅤياكىAffonsoⅤ،ياكىAlphonsoⅤ، 1432 — 1481) پورتۇگالىيە ئاۋى-س خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1438 — 1481). ياش ۋاقتىدا تەختكە چىققان، ئۇنىڭ ئانىسى ۋە تاغىسىئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نايىب بولغان.1448-يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 1458-ۋە 1471-يىللىرى ئافرىقىغا بېسىپ كىرىپ، 1471-يىلى تانگېر (Tanger)قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن كاستىللانى ئىشغال قىلىپ، كىنەزلىكنىڭ مەلىكىسى يۇئاننا (Juana) بىلەن توي قىلغان؛ يۇئاننا شۇ مەزگىلدە بىر قىسىم دىنىي ۋە دەھرىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇپ، ئىسابېل Ⅰ بىلەن كاستىللانىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تالاشقان. ئالفونسوⅤكاستىللانى قوشۇۋېلىشنى كۆزلىگەن، لېكىن 1476-يىلدىكى تورو (Toro) جېڭىدە ئىسابېلنىڭ ئېرى فېرناندو Ⅱ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان («فېرناندو Ⅱ» گە قاراڭ). 1479-يىلى ئىككى تەرەپ ئالكانت-ارا(Alcantara)دا سۈلھ تۈزگەن.كېيىن ئالفونسو Ⅴ سىنترا (Sintra) دىكى موناستىردا تەركىيدۇنيا بولۇپ ياشاپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئوغلى جۇئان (كېيىنكى جۇئان Ⅱ)نىڭ بىر ياقلىق قىلىشىغا ھاۋالە قىلغان. 

ئالفونس-وⅥ

  • ئالفونس-وⅥ[يەشمىسى:]Alfonso Ⅵ، 1030 — 1109) ئىسپانىيە، لېئان ۋە كاستىللا پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى. فېرىدناندو Ⅰ نىڭ ئوغلى. 1065-يىلى ئاتىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ لېئان كورۇلىبولغان. 1072-يىلى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىكاستىللا كورۇلى سانچوⅡ (SanchoⅡ، 1065 — 1072- يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، تولېدودىكى ماۋرىلار ھۆكۈمرانىنىڭ دەرگاھىغا قېچىپ بېرىپ پاناھلانغان. شۇ يىلى سانچو Ⅱ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ، لېئاندىكى پادىشاھلىق تەختىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە كاستىللانىڭ پادىشاھى بولغان. سىرتقا كېڭىيىپ گالىتسىيە(Galicia)قاتارلىق جايلارنى قوشۇۋالغان. 1077-يىلى ئۆزىنى پۈتۈن ئىسپانىيىنىڭ كورۇلى دەپ جاكارلىغان. 1085-يىلى تولېدو شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. 1086-ۋە 1108-يىللىرى مۇرابىتلار تەرىپىدىن ئىككى قېتىم مەغلۇپ بولۇپ، جەنۇبقا قىلغان يۈرۈشى توسۇۋېلىنغان. 

ئالفونسوⅩ

  • ئالفونسوⅩ[يەشمىسى:]AlfonsoⅩ، 1221 — 1284) كاستىللا ۋە لېئاننىڭ كورۇلى (1252 — 1282). 1261 — 1266-يىللىرى ئەرەبلەرنىڭ قولىدىن جېرىس (Jerez)، كادىس (Cadiz) قاتارلىق شەھەرلەرنى قايتۇرۇۋالغان. كاستىللا تىلىدا «يەتتە قانۇن» (Las Siete Partidas) ئېلان قىلىپ، مونارخىيىنى كۈچەيتىشكە تىرىشقان. ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ، تولېدو، سېۋىلىيىدە مەكتەپ ئېچىپ، مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرغان. 1282-يىلى ئوغلى سانچو (كېيىن سانچو Ⅳ دەپ ئاتىلىپ، 1284 — 1296-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن تەختتىن چۈشۈرۈلگەن. 

ئالفونسوⅩⅡ

  • ئالفونسوⅩⅡ[يەشمىسى:]Alfonso ⅩⅡ، 1857 — 1885) ئىسپانىيە كورۇلى (1874 — 1885). ئىزابېللا Ⅱ (Изабелла Ⅱ) نىڭ چوڭ ئوغلى. 1868-يىلىدىكى ئىسپانىيە ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن ئاپىسى بىلەن بىللە چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1870-يىلى ئىزابېللا Ⅱ تەختىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان، لېكىن ئۇ 1874-يىلىغا كەلگەندىلا رەسمىي تەختكە چىققان ھەمدە ئىككىنچى يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە 1876-يىلى ئىككىنچى قېتىملىق كارلوس ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرغان؛ 1878-يىلى كۇبا قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن «ئون يىللىق ئۇرۇش»نى ئاياغلاشتۇرۇش توغرىسىدا «ساڭخۇڭ شەرتنامىسى»نى ئىمزالىغان.

ئالفونسوⅩⅢ

  • ئالفونسوⅩⅢ[يەشمىسى:]Alfonso ⅩⅢ، 1886 — 1941) ئىسپانىيە كورۇلى (1886 — 1931). ئالفونسو ⅩⅡ نىڭ قورساقتا قالغان بالىسى. تۇغۇلغاندىن كېيىنلا تەختكە چىققان. ئۇنىڭ ئاپىسى مارىيە كرىستىنا نايىب بولغان. 1902-يىلىدىن باشلاپ ئۆزى ھۆكۈم سۈرگەن. تەختتە ئولتۇرغان چاغدا ئىچكى سىياسىي ۋەزىيەت داۋالغۇپ، كەينى-كەينىدىن ھۆكۈمەت يەڭگۈشلەنگەن؛ 1921-يىلى ئىسپانىيىگە قاراشلىق ماراكەشتە يەرلىك خەلقلەرنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇپ، پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان.1923-يىلى رىۋېرانىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشىگە سۈكۈت قىلغان ھەمدە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا تايىنىپ تەختنى ساقلىغان. 1931-يىلى ئىسپانىيە ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن تەختنى بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە فرانسىيە ۋە ئىتالىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، كېيىن رىمدا ئۆلۈپ كەتكەن. 

ئالكانتارا رىتسارلار پولكى

  • ئالكانتارا رىتسارلار پولكى[يەشمىسى:] ئىسپانىيىنىڭ دىنىي خاراكتېرىدىكى فېئوداللىق ھەربىي تەشكىلاتى. 1156-يىلى قۇرۇلغان. 1217-يىلى، لېئان كورۇلى ئالفونسو Ⅸ (AlfonsoⅨ، تەخمىنەن 1171 — 1230) ئالكانتارا (Alcantara) شەھىرىنى ئۇلارغا ئىنئام قىلغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئىسپانىيىدىكى قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان. 1546-يىلى ئۆز تەۋەلىكىدىكى رىتسارلارنىڭ ئۆيلىنىشىگە رۇخسەت قىلىنغان. 1835-يىلى تارقىتىۋېتىلگەن.

ئالكب-ىيادېس

  • ئالكب-ىيادېس[يەشمىسى:]Alkibiades ياكى Alcibiades، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 450 — 404) قەدىمكى يۇنان سەردارى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق چېغىدىلا دادىسىدىن كېيىن قېلىپ، يېقىن تۇغقىنى پېرىكلېس بېقىپ چوڭ قىلغان. پەيلاسوپ سوكراتنىڭ شاگىرتى ۋە دوستى بولۇپ، پوتىدىيە جېڭى (مىلادىدىن 432 يىل ئىلگىرى) ۋە دېرىئۇم جېڭى (مىلادىدىن 424 يىل ئىلگىرى) دە بىر-بىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان، كېيىن بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن. مىلادىدىن 420 يىل ئىلگىرى سەردار بولغان. ئافىناغا ۋەكالىتەن، ئارگوس، مانتىنېيە قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، سپارتاغا قارشى تۇرغان. پېلوپوننېس ئۇرۇشىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا، پۇقرالار قۇرۇلتىيىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئافىنالارنى سىتسىلىيىگە يۈرۈش قىلىپ، ئىتالىيە، كارفاگېن ۋە پېلوپوننېس (جەنۇبىي يۇنان) نى بويسۇندۇرۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرق ۋە غەربىدە ئافىنا دېڭىز ئۈستى ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇشقا كۈشكۈرتكەن، لېكىن مۆتىدىلچىلەردىن بولغان نىكىئاسنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشمىغان. مىلادىدىن 415 يىل ئىلگىرى نىكىئاس بىلەن (ئىختىيارلىقى بىلەن ئەمەس) بىللە فلوتقا قوماندانلىق قىلىپ، يۈرۈشكە چىققان. ئافىنا دائىرىلىرى ئۇنى خۇداغا تىل تەگكۈزۈش جىنايىتىنى ئۆتكۈزدى دەپ قاراپ، چاقىرىپ كېلىپ سوراق قىلماقچى بولغاندا، جىنايىتىدىن قورقۇپ سپارتاغا تەسلىم بولغان ھەمدە ئۇلارغا چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ بېرىپ، ئافىنانى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان. كېيىن سپارتانىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قېلىپ، يەنە پېرسىيىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، قايتىدىن باش كۆتۈرمەكچى بولغان. كېيىن ساموس ئارىلىدىكى ئافىنا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئولىگارخىيىچىلىرىغا (مىلادىدىن 411 يىل ئىلگىرى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغان) بولغان نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئافىنا دېڭىز ئارمىيىسىنى قايتا ئىگىلەپ، سپارتا ئۈستىدىن بىرنەچچە قېتىم غەلىبە قىلغان. مىلادىدىن 407 يىل ئىلگىرى غالىبلار قاتارىدا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، سەردارلىققا سايلانغان. قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئافىنالىقلار ئۇنىڭغا يەنە مۇھىم ۋەزىپە تاپشۇرغان. ئۇزاق ئۆتمەي قوشۇنى نوتىئ-ۇم(Notium)جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىپ، فراكىيىنىڭ كېرسون دېگەن يېرىدە ھالاك بولغان؛ ئافىنا ئاخىر مەغلۇپ بولغان (مىلادىدىن 404 يىل ئىلگىرى). كېيىن كىچىك ئاسىياغا قېچىپ كېتىۋاتقاندا قەتلى قىلىنغان. 

ئالكىن

  • ئالكىن[يەشمىسى:]Alcuin، تەخمىنەن 735 — 804) ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئەنگلىيە ئالىمى. يورك شەھىرىدىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ستىلىستىكا ۋە ئىلاھىيەتنى تەتقىق قىلغان. مىلادى 781-يىلى ئۆپچۆرىسىدە بۈيۈك ئىمپېراتور كارلوسنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن فرانك كورۇللۇقىغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەپ، كارولىن خاندانلىقىدىكى «ئەدەبىيات-سەنئەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش» نىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. 796-يىلى تور (Tours) دىكى سېن-مارتىن موناستىرىنىڭ باشلىقى بولغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇ مەكتەپ ئېچىپ مائارىپنى راۋاجلاندۇرغان ھەمدە گرامماتىكا ۋە ستىلىستىكىغا ئائىت دەرسلىك كىتابلارنى يازغان. ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن خەت-چەكلىرى تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە.

ئاللان پۇئې

  • ئاللان پۇئې[يەشمىسى:]Edgar Allan Poe، 1809 — 1849) ئامېرىكا يازغۇچىسى، ئەدەبىي تەنقىدچىسى. بوستوندا تۇغۇلغان. كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن. 1811-يىلى باشقىلار بېقىۋالغان، 1815-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئەنگلىيىگە بېرىپ، لوندوندا تەربىيە ئالغان. 1820-يىلى ئامېرىكىغا قايتقان. 1826-يىلى ۋىرگىنىيە داشۆسىگە كىرگەن. ياندۇرقى يىلى شېئىرلار توپلىمىنى چىقارغان. 1827 — 1829- يىللىرى ئارمىيىدە بولغان. 1830-يىلى غەربىي قىسىم ھەربىي مەكتىپىگە كىرگەن، ئىككىنچى يىلى ئىنتىزامسىزلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئىجادىيەت ۋە تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. ھاياتىدا 60 نەچچە ھېكايە يازغان. ئۇنىڭدا جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىكى روھىي ھالەت تەسۋىرلەنگەن، قورقۇنچلۇق كەيپىيات بىلەن تولغان، ۋەقەلىكلەرمۇ غەلىتە-غارايىپ كۆرسىتىلگەن. ئۇ رازۋېتكا ئەقلىي خۇلاسىسى ھېكايىلىرىنىڭ پېشۋاسى دەپ ھېسابلانغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى «ئاجايىپ-غارايىپ ھېكايىلەر»، «ئالتۇن قۇرت»، «مور كوچىسىدىكى قاتىللىق ۋەقەسى»، «قارا مۈشۈك» قاتارلىقلار. 48 پارچە شېئىر ئىجاد قىلغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ قاپىيىسى مۇزىكىغا ناھايىتى ئوبدان چۈشىدۇ. مەشھۇرلىرى «توڭ قاغا»، «ھېلېنغا». شېئىر ھەققىدىكى «يېزىقچىلىق پەلسەپىسى»، «شېئىر قائىدىسى» دېگەن ماقالىلىرىدە «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت»نى تەشەببۇس قىلغان.

ئاللېمان

  • ئاللېمان[يەشمىسى:]Jean Allemane، 1843 — 1935) فرانسىيە ئۇششاق بۇرژۇئا سوتسىيالىزمچىسى. مۇمكىنچىلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ياش ۋاقتىدا مەتبەئە ئىشچىسى بولغان. 1862-يىلىدىن باشلاپ ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1871-يىلى پارىژ كوممۇنىسى ئىنقىلابىغا قاتناشقان، كوممۇنا ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆمۈر بويى ئېغىر ئەمگەككە سېلىشقا ھۆكۈم قىلىنىپ، يېڭى كالېدونىيە ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1880-يىلى كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، سوتسىيالىستلار گېزىتلىرىغا ماقالە يېزىپ بەرگەن، كېيىن فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1882-يىلى مۇمكىنچىلەرگە قاتناشقان. 1890-يىلى مۇمكىنچىلەردىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، «ئىشچىلار سوتسىيال ئىنقىلابىي پارتىيىسى»نى تەشكىللىگەن. كېيىن «بىۋاسىتە ھەرىكەت» ۋە «ئومۇمىي ئىش تاشلاش»نى ھەدەپ تەرغىپ قىلىپ، پرولېتارىياتنىڭ پارتىيە قۇرۇشىغا ۋە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىغا قارشى تۇرغان ھەمدە گېدچىلارغا قاتتىق قارشى تۇرغان. كۆپ قېتىم ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1914-يىلى سايلىنالماي قالغاچقا سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان. 

ئاللېندې

  • ئاللېندې[يەشمىسى:]Salvador Allende Gossens، 1908 — 1973) چىلى زۇڭتۇڭى (1970 — 1973). چىلىنىڭ ۋالپارايسو (Valparaiso) شەھىرىدە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دوختۇرلۇقتىن كېلىپ چىققان. 1933-يىلى چىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىببىي كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا چىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. ئىككى قېتىم سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1937-يىلى ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1939 — 1942-يىللىرى خەلق فرونتى ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1945-يىلىدىن باشلاپ كېڭەش پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1965 — 1969-يىللىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1952-، 1958-ۋە 1964-يىللىرى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغان. 1970-يىلى 9-ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئازغىنە كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن غەلىبە قىلىپ، 11-ئايدا رەسمىي زۇڭتۇڭ بولغان ھەمدە خەلق ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنى تەشكىللىگەن. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە مىس، كۆمۈر، پولات-تۆمۈر قاتارلىق سانائەت كارخانىلىرىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش، يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان ھەمدە جۇڭگو بىلەن چىلىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.1973-يىلى 9-ئايدا چىلى ئارمىيىسى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ خەلق ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئاللېندې خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان. 

ئالماشتۇرۇش

  • ئالماشتۇرۇش[يەشمىسى:]كىشىلەرنىڭ ئەمگەك پائالىيىتى ۋە ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئالماشتۇرۇش جەريانى، ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى بىر ھالقا. ئادەتتە تاۋار ئالماشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمگەك پائالىيىتىنى ئالماشتۇرۇشتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالماشتۇرۇش ھەممە جەمئىيەتتە مەۋجۇت. تاۋار ئالماشتۇرۇش ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى. تاۋار ئالماشتۇرۇش ئەمگەكنىڭ ئىجتىمائىي تەقسىماتىنى ئاساس، مەھسۇلاتنىڭ ئوخشاش بولمىغان مۈلۈك ئىگىلىرىگە تەۋە بولۇشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. ئالماشتۇرۇش شەكلى دەسلىپىدە نەرسىنى نەرسىگە ئالماشتۇرۇش بولغان بولسا، كېيىن پۇلنى ۋاسىتە قىلىپ ئالماشتۇرۇشقا تەرەققىي قىلغان. ئالماشتۇرۇشنىڭ خاراكتېرى ۋە رولى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ خاراكتېرىگە باغلىق بولىدۇ. ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپ جەمئىيىتىدە ئالماشتۇرۇش خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلىپ، ئىكسپىلاتاتسىيە قىلىش بىلەن ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنىش مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. سوتسىيالىزم جەمئىيىتىدە، ئالماشتۇرۇش سوتسىيالىستىك ئومۇم مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلىپ باراۋەرلىك، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتەك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مۈلۈكچىلىك ۋە پىلانلىق تاۋار ئىگىلىكى شارائىتىدا، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلقنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا ناھايىتى زور ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

ئالموخادخاندانلىقى

  • ئالموخادخاندانلىقى[يەشمىسى:] يەنى «مۇۋاھىدۇن خاندانلىقى».

ئالموخادېس

  • ئالموخادېس[يەشمىسى:]«مۇۋاھھىدۇن خاندانلىقى»غا قاراڭ.

ئالمۇراۋىد خاندانلىقى

  • ئالمۇراۋىد خاندانلىقى[يەشمىسى:]يەنى «مۇرابىت خاندانلىقى».

ئالمېدا

  • ئالمېدا[يەشمىسى:]Francisco de Almeida ،تەخمىنەن مىلادى 1450 — 1510 ) پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىسى. پورتۇگالىيىگە قاراشلىق ھىندىستاننىڭ تۇنجى باش ۋالىيسى بولغان (1505 — 1509). لې-سابوندا تۇغۇلغان. قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. باش ۋالىي بولۇپ تۇرغاندا بىر كۈچلۈك فلوتقا قوماندانلىق قىلىپ ھىندى ئوكيان بويلىرىدىكى كوچىن قاتارلىق جايلاردا پونكىت قۇرۇپ، ھىندىستانغا بولغان مۇستەملىكىچىلىك-بۇلاڭچىلىقنى كۈچەيتكەن ھەمدە مالدىۋې تاقىم ئاراللىرى، سىرىلانكا ۋە ماداگاسكارنى تەكشۈرگەن. 1510-يىلى 3-ئايدا دۆلىتىگە قايتىش سەپىرىدە ئۈمىت تۇمشۇقىدىن ئۆتكەندە يەرلىك ئاھالىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

ئالمېدا گاررېت

  • ئالمېدا گاررېت[يەشمىسى:]Joao Baptista da Silva Leitao Almeida Garrett، 1799 — 1854) پورتۇگالىيە يازغۇچىسى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىسى. پورتودا تۇغۇلغان. ناپولېئون ئارمىيىسى پورتۇگالىيىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن بىللە ئازور تاقىم ئاراللىرىغا كۆچۈپ بارغان. كوئىمبرا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، قانۇنشۇناسلىق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئالغان. مۇستەبىتلىك تۈزۈمگە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، 1823 — 1826-يىللىرى ۋە 1828 — 1832-يىللىرى چەت ئەلگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. 1834 — 1835-يىللىرى پورتۇگالىيىنىڭ بريۈسسېلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ۋە ۋەكالەتچىسى بولغان. 1837-يىلى پارلامېنتقا كىرگەن. 1852-يىلى ۋىكونت ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. ئىككىنچى يىلى بىر مەزگىل تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئىجادىي پائالىيىتىنى باشلىغان. ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىدە فېئودال مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرغان بولۇپ، ئۇسلۇبى خەلق ئىجادىيىتىگە يېقىن، رومانتىزملىق تۈسكە ئىگە.ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «شىل ۋېسىست»، «دىندار لوئىس دىسسام» دېگەن سەھنە ئەسەرلىرى، «كاموننىس»، «تاننا بولىنىكا» دېگەن داستانى، «خازان» دېگەن شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.

ئالۇڭسىدۇ

  • ئالۇڭسىدۇ[يەشمىسى:]Alaungsithu، تەخمىنەن مىلادى 1086—1167). چىرىجىياخۇل دېگەن ئىسمىمۇ بار. بىرما پاگان سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى(1112 — 1167). كىئانزىتتانىڭ قىز نەۋرىسى، ئۇنىڭ ئاتىسى مونلار پادىشاھىنىڭ پۇشتى. بالىلىق چېغىدىلا پادىشاھ بولغان. كىئانزىتتا ئۆلگەندىن كېيىن رەسمىيتەختكە چىققان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە توپىلاڭنى باستۇرۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، مىللىي ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتكەن؛ قانۇن تۈزدۈرۈپ، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇددا دىنىنى تەشەببۇس قىلىپ، بۇددا مۇنارلىرى ۋە ئىبادەتخانىلارنى كۆپلەپ سالدۇرغان، 1144-يىلى مەشھۇر تابىنيو بۇددا مۇنارىنى ياساتقان. تاشقى جەھەتتە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1115-يىلى (سۇڭ سۇلالىسى جىڭخېنىڭ 5-يىلى) جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتىپ دوستلۇق ئورناتقان.

ئالېرامو

  • ئالېرامو[يەشمىسى:]Sibilla Aleramo، 1876 — 1960) ئەسلى ئىسمى رىنا فاككىئو (Rina Faccio). ئىتالىيىلىك ئايال يازغۇچى، شائىرە. ئالېكساندرىيىدە تۇغۇلغان. يېزا مائارىپ خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان. ئاياللارنىڭ ئازادلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. 1925-يىلى كروكې تەشەببۇس قىلغان فاشىستلارغا قارشى خىتابنامىگە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ بىرى. كېيىن ئىتالىيە كومپارتىيىسىگە كىرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئايال» دا ئايالنىڭ ئەرنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغانلىقى تەرجىمىھال شەكلىدە تەسۋىرلەنگەن. «ئۆزۈمنى ياخشى كۆرگەندىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايمەن»، «قامچا» ۋە «كۈندىلىك خاتىرىلىرىمدىن پارچە» قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار. 

ئالېكساندرⅠ

  • ئالېكساندرⅠ[يەشمىسى:]1)(Aлeкcaндр I، 1777—1825). روسىيە چار پادىشاھى (1801 — 1825). پاۋېل Ⅰ نىڭ ئوغلى، ئوردا سۇيىقەستىگە قاتنىشىپ، دادىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە، لىبېرالىست قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئىسلاھات كومىتېتى قۇرۇپ، «ئەركىن دېھقانلار» قانۇنى (پومېشچىكلارنىڭ دېھقانلارنى قويۇپ بېرىشىگە يول قويۇش) ۋە سودىگەر، شەھەر ئاھالىسى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىگىسىز يەرلەرنى سېتىۋېلىشىغا يول قويۇش قانۇنىنى جاكارلىغان؛ مەملىكەت ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، سەككىز مىنىستىرلىك (قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرلىكى، دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرلىكى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى قاتارلىقلار) ۋە گوۋۇيۈەن تەسىس قىلغان. كېيىنكى مەزگىلدە، ئاراكچىيې-ۋ(Алексей Андреевич Аpaкчeeв،1769 — 1834)قا ئىشىنىپ كېتىپ، زوراۋانلىق سىياسىينى يولغا قويغان. سىرتقا قارىتا، ئاۋسترىيە، پرۇسسىيە ۋە ئەنگلىيە بىلەن بىرلىشىپ، فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ناپولېئوننى مەغلۇپ قىلغان. شۇنداقلا پېرسىيە (1804 — 1813)، تۈركىيە (1806 — 1812) ۋە شۋېتسىيە (1808 — 1809) گە قارشى ئۇرۇش قىلغان، گرۇزىيە (1801)، فىنلاندىيە (1809)، بېسسارابىيە(1812)، ئەزەربەيجان (1813) نى قوشۇۋالغان. ۋېنا يىغىنىغا قاتنىشىپ، كېيىن مۇقەددەس ئىتتىپاقنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. (2) ( Aleksandar I، Obrenovic، 1876 — 1903). سېربىيە پادىشاھى (1889—1903).13 يېشىدا تەختكە ئولتۇرغان. 1893-يىلى ياش-قۇرامىغا يەتكەنلىكىنى جاكارلاپ، بۇرژۇئا رادىكاللىرىدىن تەركىب تاپقان نائىب ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئەزالىرىنىقولغا ئالغان.1894-يىلى1889-يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى بىكار قىلىپ، 1869-يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1901-يىلى يېڭى ئاساسىي قانۇننى جاكارلاپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى بەلگىلەپ چىققان. تەختتىكى مەزگىلدە، مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، ئىلغار كۈچلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، سىياسىي قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، دۆلەتنىڭ مالىيە قالايمىقانچىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن، سىرتقا نىسبەتەن، ئاۋسترىيىگە يېقىن بولۇش فاڭجېنىنى يولغا قويغان، 1903-يىلى 6-ئايدا رادىكاللار بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى تەرىپىدىن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن. (3) (AlexanderⅠ،1893—1920).گرېتسىيە پادىشاھى (1917 — 1920). دادىسى كونستانتىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە بىلەن يېقىن بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقتىن، ئانتانتا دۆلەتلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن قوغلىۋېتىلىپ، ئالېكساندر تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە، ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلەر باش ۋەزىر ۋېنىزېلوسقا باغلىق بولغان.

ئالېكس-اندرⅡ

  • ئالېكس-اندرⅡ[يەشمىسى:]АлександрⅡ، 1818 — 1881). روسىيە چار پادىشاھى (1855 — 1881). نىكولاي Ⅰ نىڭ چوڭ ئوغلى. تەختكە چىققاندىن كېيىن، قىرىم ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇبىيىتى ۋە دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈش ۋەزىيىتىگە دۈچ كېلىپ، 1861-يىلدىكى «يانچىلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى» نى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ، پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئوبيېكتىپ جەھەتتە، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، 70-يىللاردىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتنى ۋە 1863-يىلدىكى پولشا مىللىي قوزغىلىڭىنى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرغان؛ شىمالىي كاپكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەڭ بىر قىسىم زېمىنىنى قوشۇۋالغان. سىرتقا قارىتا، 1856-يىلدىكى «پارىژ شەرتنامىسى» نى بىكار قىلىپ، قارا دېڭىزدا فلوت تۇرغۇزۇش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.بالقاننى تالىشىپ،1877—1878-يىللىرى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىنى ئېلىپ بارغان. 1881-يىلى 3-ئايدا پېتربۇرگتا نارودنىكلار تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان.

ئالېكساندرⅢ

  • ئالېكساندرⅢ[يەشمىسى:]Александр Ⅲ، 1845 — 1894) روسىيە چار پادىشاھى(1881—1894).دادىسىئالېكساندرⅡ قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن تەختكە چىققان. سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئەنسىرەپ، ئوخرانكا تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى قوغدىغان. «تەخت مۇھاپىزەتچىسى» دەپ لەقەم ئالغان. تەختتىكى مەزگىلىدە، دەسلىپىدە مەملىكەت ۋەزىيىتىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن، جان بېشى سېلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ تۆلىمىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغان؛ لېكىن كېيىن يەنە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىسلاھاتقا قارشى تۇرۇپ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنغان. يەرلىك ئاپتونومىيە ئىدارىسى ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، دېھقانلارنى باشقۇرۇش چوڭ ھوقۇقىنى ئۇلارغا تۇتقۇزغان، خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتى ۋە مىللىي كەمسىتىشنى يولغا قويۇپ، يەھۇدىيلارنى ئاياغ ئاستى قىلغان. بالقاننى تالىشىپ، گېرمانىيە بىلەن كەسكىن زىتلىشىپ، گېرمانىيىنى چەكلەش، فرانسىيە بىلەن بىرلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويغان ھەمدە ئاخىر روسىيە-فرانسىيە ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن (1891 — 1893). 

ئالېكساندرⅥ

  • ئالېكساندرⅥ[يەشمىسى:]AlexanderⅥ، تەخمىنەن 1431 — 1503) رىم پاپاسى (1492 — 1503). ئىسپانىيىلىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى رودرىگو بورگىيە (Rodrigo Borgia). 1456-يىلى كاردىنال بولغان ۋە زور مىقداردىكى دىنىي مال-مۈلۈككە ئىگە بولغان. كېيىن پارا بېرىپ پاپا بولغان. تەختتىكى مەزگىلدە، 1493-يىلى پەندى-نەسىھەت جاكارلاپ، پورتۇگالىيە بىلەن ئىسپانىيىگە مۇستەملىكە تەسىر دائىرىسى چېگرا سىزىقى(«پاپا مېرىدىئانى» غا قارالسۇن) بەلگىلەپ بەرگەن. 1494-يىلى، ئىتالىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ۋېنېتسىيە، مىلان ۋە ئىسپانىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىتالىيىگە تاجاۋۇزقىلىپ كىرگەن فرانسىيە كورۇلى كارلⅧ نى قوشۇنىنى چېكىندۈرۈپ، ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان. 1497-يىلى فلورېنسىيە پۇقرالىرى قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى — ساۋونارولانى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلىپ، قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەب بولغان. نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسى گېسارې (Gesare) نىڭ روماگنا (Romagna، پاپا دۆلىتى ئىچىدىكى راۋېننانى مەركەز قىلغان رايون) نى بىۋاسىتە كونترول قىلىشنى قوللىغان. ۋاتىكاننىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن پارا بېرىش، يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، تارىختا ئەڭ نومۇسسىز پاپالارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

ئالېكساندر جاگېللونسزىك

  • ئالېكساندر جاگېللونسزىك[يەشمىسى:]Jagielloоczyk Aleksander ، 1460 — 1506) لىتۋا كىنەزى (1492- يىلىدىن باشلانغان)، پولشا ك-ورۇلى (1501 — 1506). كازىمېر Ⅳ نىڭ ئوغلى. 1492-يىلى روسىيىگە قارشى قوشۇن تەشكىللەپ، 1494-يىلى سۈلھ تۈزگەنھەمدە موسكۋاكىنەزى ئىۋان Ⅲ نىڭ قىزى يېلېنا (Елена) نى نىكاھىغا ئالغان. 1500-يىلى ئۇرۇش ئوتى يەنە كۆتۈرۈلگەن، 1503-يىلى لىتۋا بىلەن روسىيە چېگرىلىنىدىغان رايونلاردىكى بەزى كىنەزلىكلەرنى روسىيىگە بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1505-يىلى قانۇنلار توپلىمىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنى «رادوم ئاساسىي قانۇنى» دەپ ئاتاپ، پارلامېنتنىڭ ھوقۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، پادىشاھ ھوقۇقىنى ئاجىزلاتقان. 

ئالېكساندر نېۋىسكى

  • ئالېكساندر نېۋىسكى[يەشمىسى:]Александр Невский، تەخمىنەن 1220 — 1263). نوۋگورود كىنەزى (1236 — 1251)، ۋلادېمىر كىنەزى (1252 — 1263)، ئەسلى ئىسمى ئالېكس-اندر ياروسلاۋىچ (Александр Ярославич). كىنەز بولغان مەزگىلدە، پۈتۈن كۈچى بىلەن كىنەزنىڭ نوپۇزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، چوڭ فېئوداللارنىڭ زومىگەرلىكىنى بېسىپ، دېھقانلار ۋە نامراتلارنىڭ قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرغان. 1240-يىلى 7-ئايدا لەشكەر باشلاپ چىقىپ، نېۋا دەرياسىدىن قۇرۇقلۇققا چىققان شۋېتسىيە لەشكەرلىرىنى چېكىندۈرگەنلىكتىن، «نېۋىسكى» (نېۋا دەرياسىنىڭ پادىشاھى دېگەن مەنىدە) دېگەن ھۈرمەت نام بىلەن ئاتالغان. 1242-يىلى باھاردا، جايلارنىڭ ياردەمچى قوشۇنلىرىغا قوماندانلىق قىلىپ، چۇد كۆلىنىڭ مۇزى ئۈستىدە بولغان كەسكىن جەڭدە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن گېرمانىيە ت-يوتون رىتسارلار پولكىنى تارمار قىلىپ، ئىشغال قىلىۋېلىنغان پىسكوۋ شەھىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ، گېرمانىيە فېئوداللىرىنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىنى توسقان. باش كىنەز ئورنىغا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇقىم سىياسەت يۈرگۈزۈپ، بىر تەرەپتىن ئالتۇن ئوردا خانلىقى بىلەن تىنچلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن روسىيىنىڭ غەربىي شىمال ۋە شەرقىي شىمال زېمىنىنى ئاستا-ئاستا بىرلىككە كەلتۈرگەن ھەمدە غەربىي شىمالدىن كەلگەن ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرگەن. 1263-يىلى تۆتىنچى قېتىم ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا بېرىپ قايتىپ كېلىش سەپىرىدە قازا قىلغان. 

ئالېكساندرىيە

  • ئالېكساندرىيە[يەشمىسى:]Alexandria) ھازىرقى مىسىردىكى ئىسكەندىرىيە شەھىرى. قەدىمكى زاماندىكى، بولۇپمۇ يۇنانلاشتۇرۇش دەۋرى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرگىچە) دىكى مەشھۇر شەھەر، مىسىر پتولېمېي سۇلالىسىنىڭ پايتەختى. مىلادىدىن 332 يىل ئىلگىرى، ماكېدونىيىنىڭ ئىمپېراتورى ئالېكساندر شەرققە يۈرۈش قىلىپ، مىسىرغا بېسىپ كىرگەندە قۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئالېكساندر شەھەرنىڭ ئورنىنى تاللاپ چىققان ۋە قۇرۇلۇش چېرتيوژىنى ئىشلەپ چىققان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى شەھەر نامى قىلغان. نىل دەرياسى دېلتىسىنىڭ غەربىي بۇرجىكىگە، مارېئوت (Mareotis) كۆلى بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ئارىلىقىدىكى ئۇزۇنچاق يەرگە جايلاشقان بولۇپ، سۈنئىي قاش (ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1295 مېتر) ئارقىلىق ئۇدۇلىدىكى كىچىك ئارال — پاروس (Pharos) قا تۇتىشىپ، ئىككى پورتنى شەكىللەندۈرگەن؛ شەرقىي شىمالدىكى پورت چوڭ پورت، غەربىي جەنۇبتىكى پورت ئېئونۇست (Eonust) پورتى دەپ ئاتالغان. شەھەردە ئاساسلىقى بىر-بىرى بىلەن كېسىشىدىغان ئىككى يول بولۇپ، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش كىلومېتردىن ئارتۇق، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى كىلومېترغا يېقىن بولغان. شەھەردە يۇنانلىقلار، مىسىرلىقلار ۋە يەھۇدىيلار ئولتۇراقلاشقان ئۈچ رايون (رىم دەۋرىدە يەنە ئىككى رايون قوشۇلغان) بولغان. مىلادىدىن 283 يىل ئىلگىرى ئارالدا پاروس ماياك مۇنارى قۇرۇلغان. يۇنان دۇنياسى كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلىشىپ، رىم ئىتالىيىدە راسا راۋاج تېپىۋاتقان مەزگىلدە، ئالېكساندرىيە تېز تەرەققىي قىلىپ، سودا كېمىلىرى توپلىنىپ، ئالىملار جەم بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇزېي سېلىنىپ، بۇنىڭ ئىچىگە مەشھۇر كۇتۇپخانا تەسىس قىلىنغان، پتولېمېي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ماددىي ياردىمى ئارقىسىدا، 500 مىڭ تۈرۈم (پاپىرۇس قەغەز تۈرۈم، يەنە بىر ئېيتىلىشتا تەخمىنەن 700 مىڭ تۈرۈم) دىن ئارتۇق ھەرخىل ئەسەر قوليازمىلىرى يىغىلغان؛ جايلاردىكى ھەر خىل ئېقىملار بۇ يەرگە كېلىپ، ئىلىم-پەن مۇھاكىمىسى بىلەن شۇغۇللانغان، ئەمەلىيەتتە، شۇ چاغدىكى خەلقئارالىق ئالىي بىلىم يۇرتى(«ئالېكساندرىيە كۇتۇپخانىسى» غا قارالسۇن) غا ئايلانغان. پتولېمېي سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، نوپۇسى 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، رىم قوماندانى كائېسار بۇ جاينى بىر مەھەل ئىگىلەپ تۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئانتونى يەنە بۇ جاينى بازا قىلىپ، ئوكتاۋىيان بىلەن ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى ئېلىپ بارغان؛ مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرى ئاخىر مىسىر بىلەن بىللە رىم تېررىتورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە يەنىلا خېلى تەسىر كۆرسەتكەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رىم ۋە كونستانتىنوپول ئىشلىتىدىغان ئاشلىق كۆپىنچە ئالېكساندرىيە پورتىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن. خرىستىئان دىنى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، ئىمپېرىيىنىڭ شەرقىدىكى مۇھىم دىن رايونى بولۇپ قالغان. Ⅶ ئەسىردە ئەرەبلەر ئىگىلىۋېلىپ، ئەرەبچە ئىسكەندىرىيە (Iskanderia) دەپ ئاتىغان. ئىمپېراتور ئالېكساندر شەرققە يۈرۈش قىلغاندا، غەربىي ئاسىيادىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە بولغان كەڭ رايوندا «ئالېكساندرىيە» دەپ ئاتىلىدىغان ئون نەچچە شەھەرنى قۇرۇپ چىققان. لېكىن كۆمۈلۈپ كېتىپ ھېچقانداق ئىزى قالمىغان.

ئالېكساندرىيە كۇتۇپخانىسى

  • ئالېكساندرىيە كۇتۇپخانىسى[يەشمىسى:]يۇنانلاشتۇرۇش دەۋرىدىكى ئالېكساندرىيە شەھىرى مۇزېيىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. مىلادىدىن 308 يىل ئىلگىرى، پتولېمېي سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قۇرۇلغان. مىسىرنىڭ ئالېكساندرىيە رايونىنىڭ غەربىي شىمال قىسمى (پادىشاھ ئوردىسىنىڭ جەنۇبى) دا. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كۇتۇپخانىدا مەشھۇر شەخسلەرنىڭ 500 مىڭ تۈرۈم پاپىرۇس قەغەز تۈرۈم (يەنە بىر ئېيتىلىشتا تەخمىنەن 700 مىڭ تۈرۈم) دىن ئارتۇق قوليازمىسى ساقلانغان بولۇپ، بۇ كىتابلارنىڭ مۇندەرىجىسىلا 120 كىتاب بولغان. كۆپلىگەن ئەسەرلەرگە مەخسۇس ئىزاھ قوشۇمچە قىلىنغان بولۇپ، مۇشۇ ئىزاھنىڭ ئۆزىمۇ قىممەتلىك ھۈججەت بولغان ھەمدە بۇنىڭدىن مەخسۇس پەن — «ئىزاھشۇناسلىق» مەيدانغا كەلگەن. كۇتۇپخانا يىراق-يېقىندىكى مەشھۇر ئالىملارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، ئالېكساندرىيە شەھىرىنى شۇ چاغدا خەلقئارالىق ئىلىم-پەن مەركىزىگە ئايلاندۇرغان. شائىر ۋە قوشۇمچە گرامماتىكا ئالىمى كاللىماكوس كۇتۇپخانا باشلىقى بولغان. مەشھۇر ماتېماتىك ئېۋكلىد، ماتېماتىك ۋە قوشۇمچە فىزىكا ئالىمى ئارخىمېد، ئاسترونوم ھىپپاركوس، پتولېمېي كلائودىئوس قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن بۇ يەردە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. مىلادىدىن 48 يىل ئىلگىرى رىم قوماندانى كائېسار مىسىرغا كىرىپ، مىسىرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقاندا، ئالېكساندرىيە شەھىرىنىڭ ئاھالىلىرى قارشى تۇرغان، كائېسار كۇتۇپخانىدىكى بىر قىسىم كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يەنە بىر قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. قالغان قىسمى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئەرەب سەركەردىسى ئەمىر ئالېكساندرىيە شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندا ۋەيران قىلىنغان.

ئالېكسېيېۋ

  • ئالېكسېيېۋ[يەشمىسى:]1) پېتر ئالېكسې-يېۋىچ ئالېكسېيېۋ(Летр Алексеевич Алексеев ،1849—1891) روسىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىشچى ئىنقىلابچىسى. توقۇمىچىئىشچىلىقىدىن كېلىپ چىققان. 1873-يىلى پېتربۇرگ ئىشچىلار گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، ئىنقىلابىي تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. 1875-يىلى قولغا ئېلىنىپ، ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھەمدە سۈرگۈن قىلىنغان جايدا قۇربان بولغان. ئۇ سوتتا سۆزلىگەن چاغدا: «مىليونلىغان ئىشچىلار قوزغىلىپ كۈچلۈك مۇشتلىرىنى كۆتۈرگەندە، ئەسكەرلەرنىڭ قىلىچى بىلەن قوغدىلىۋاتقان مۇستەبىت كىشەن پاچاقلىنىپ تاشلىنىدۇ!» دېگەن، لېنىن بۇنى روسىيىلىك ئىشچى ئىنقىلابچىنىڭ ئۇلۇغ بېشارىتى دەپ ئاتىغان. (2) ئېۋگېنىي ئىۋانوۋىچ ئالېكسېيېۋ (Евгений Иванович Алексеев ، 1843 — 1909). روسىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمېرالى. 1899-يىلى جۇڭگو (شەرقىي شىمال رايونى) غا تاجاۋۇز قىلغۇچى روسىيە ئارمىيىسى ۋە تېچ ئوكيان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان، 1900 — 1901-يىللىرى جۇڭگودىكى يىخېتۇەن قوزغىلىڭىنى دەھشەتلىك باستۇرۇپ، داگۇ پورتىنى ۋە تيەنجىننى ئىشغال قىلىشقا قوماندانلىق قىلغان. 1903-يىلى يىراق شەرقنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى ۋە چاۋشيەننى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، ياپونىيە بىلەن تېز ئۇرۇش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، يىراق شەرق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. ئۇرۇشتا ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولغاچقا، 1904-يىلى 10-ئايدا ۋەزىپىسىدىن بوشىتىۋېتىلگەن. كېيىن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. (3) مىخائىل ۋاسىلېۋىچ ئالېكسېيېۋ (Михаил Васильевич Алексеев، 1857 — 1918) روسىيە سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەكسىلئىنقىلابچى باشلىقلارنىڭ بىرى. ئەسلى چارروسىيىنىڭ گېنېرال پولكوۋنىكى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ غەربىي جەنۇبىي سەپنىڭ شتاب باشلىقى، غەربىي شىمالىي سەپنىڭ باش قوماندانى ۋە روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان. 1917-يىلى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى (3 — 5-ئاي)بولغان. كېيىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى داۋاملىق ئېلىپ بارغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، يېڭى چېركاسسىككە قېچىپ بېرىپ، ئەكسىلئىنقىلابىي كۈچلەرنى توپلاپ ئوفىتسېرلار پولكى تەشكىللىگەن، كېيىن دېنىكىن، كورنىلوۋ بىلەن بىرلىشىپ، ئاق گۋاردىيىچى پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ باشلىقى بولغان. 

ئالېگرىئا

  • ئالېگرىئا[يەشمىسى:] Alegria Ciro، 1909 — 1967) پېرۇ يازغۇچىسى. «مۇنبەر گېزىتى»، «سانائەت گېزىتى» ۋە «شىمال گېزىتى» لىرىگە ماقالە يازغۇچى. ئۇ «ئامېرىكا ئىنقىلابى خەلق ئىتتىپاقى» نىڭ ئەزاسى سۈپىتى بىلەن سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. 1932-يىلى قامىلىپ، ئىككىنچى يىلى چىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن ئامېرىكا(1945—1949)، پۇئېرتورىكو (1949 — 1953)، كۇبا (1953 — 1957) دا تۇرغان. 1948-يىلى ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىققان. ۋەكىللىك خاراكتېرلىك ئەسىرى «كەڭ دۇنيا» دا ئىندىئانلارنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەپ، 1914-يىلى لاتىن ئامېرىكىسى رومان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «ئالتۇن يىلان» قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار. 

ئالېماننىلار

  • ئالېماننىلار[يەشمىسى:]Alemanni ياكى Alamanni) قەدىمكى گېرمانلارنىڭ بىر تارمىقى. ئۇلار ئاساسەن رېين دەرياسى، دۇناي دەرياسى بىلەن ماين دەرياسى ئارىلىقىدىكى رايون (ھازىرقى گېرمانىيىنىڭ جەنۇبى) غا تارقالغان. ئۇلار جەڭگىۋار خەلق بولۇپ، دائىم يۆتكىلىپ تۇرغان. بىرقانچە قەبىلىلەر ئىتتىپاق تۈزگەن بولۇپ، ئۇرۇش ۋاقتىدا ئورتاق باشلىق قوماندانلىق قىلغان. پادىشاھ كاراكاللا (Caracalla) تەختتە ئولتۇرغان مەزگىل (211 — 217) دە رىملىقلار بىلەن ئۇچراشقانلىقى تۇنجى قېتىم خاتىرىلەنگەن؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا كاراكاللا مىلادى 214-يىلى ئالېماننىلارنى يەڭگەن، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ئالېماننىكۇ» (Alemannicus) دېگەن نامغا ئىگە بولغان. Ⅲ ئەسىردىن Ⅳ ئەسىرگىچە ئالېماننىلار رىم زېمىنىغا ئۈزلۈكسىز ئىچكىرىلەپ كىرگەن ھەم كۆپ قېتىم توسۇۋېلىنغان. لېكىن Ⅴ ئەسىرگە كەلگەندە (ئىمپېرىيىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى) ئۇلارنىڭ كۈچى ھازىرقى ئېلزاس ۋە شۋېتسارىيە ئەتراپىدىكى جايلارغىچە كېڭەيگەن.

ئالېنكار

  • ئالېنكار[يەشمىسى:]Jose Martiniano de Alencar، 1829 — 1877) برازىلىيە يازغۇچىسى. مىللىي تارىخىي رومانلارنى تەشەببۇس قىلغۇچى. پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان. ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە برازىلىيە خەلقىنىڭ يەرگە ئىگە بولۇش ۋە ئىندىئان قەبىلىلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان قەھرىمانانە كۈرەشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، رومانتىزم تۈسىگە ھەمدە كۈچلۈك مىللەتپەرۋەرلىك خاھىشىغا ئىگە. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى ئەسىرى «يىراسەيما» دا ئىندىئان قىزى بىلەن پورتۇگالىيىلىك يىگىتنىڭ مۇھەببەت تراگېدىيىسى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، برازىلىيىدىكى ئىرقىي بىرلىشىشكە سىمۋول قىلىنغان. ئىندىئانلار ۋەقەلىك قىلىنغان رومانلىرىدىن«گۋارانى»،«ۋوبرائالا»، «ئىپ دەرىخىنىڭ غولى» ق-ات-ارلى-قلار بار.

ئالبىچىلار

  • ئالبىچىلار[يەشمىسى:]ⅩⅡ ئەسىردىن ⅩⅢ ئەسىرگىچە فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى لانگېدوك رايونىدا كەڭ تارقالغان خرىستىئان دىنىغا يات مەزھەپ. ئالبى (Albi) شەھىرىنى پائالىيەت مەركىزى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئالبىچىلار دەپ ئاتالغان. پاكلارغا مەنسۇپ. ئۇلار پانى دۇنيادىكى بارلىق كائىنات خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلغان بولماستىن، بەلكى ئىبلىس (شەيتان) نىڭ ۋەسۋەسىگە سالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دېگەنلەرنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇلار كاتولىك دىنى تەرغىپ قىلغان ترىنىتى (خۇدا، خۇدانىڭ ئوغلى، روھ بىر گەۋدە بولۇش) قا، دوزاخ ۋە دوزاختا كۆيدۈرۈلۈش ۋەز-نەسىھىتىگە، شۇنداقلا چىركاۋ بەلگىلىگەن ھەر خىل دىنىي رەسىم-قائىدىلەرگە نىسبەتەن ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان. شۇڭا بۇ مەزھەپ ئېنىق ھالدا چىركاۋغا، فېئودالىزمغا قارشى خاراكتېرگە ئىگە. ئۇنىڭغا قول ھۈنەرۋەنلەر، دېھقانلار ۋە شەھەر خەلقى قاتناشقاندىن باشقا، يەنە چىركاۋنىڭ مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىپ، ئۆز چۆنتىكىگە سالماقچى بولغان بىر قىسىم رىتسارلار ۋە يەرلىك فېئودال تەپرىقىچى ھاكىمىيەتنى كۈچىنىڭ بارىچە ساقلاپ كېلىۋاتقان ئاقسۆڭەكلەرمۇ قاتناشقان. كېيىن رىم پاپاسى باشچىلىقىدىكى ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. «ئالبىچىلار ئۇرۇشى» غا قاراڭ.

ئال خامراخ ئوردىسى

  • ئال خامراخ ئوردىسى[يەشمىسى:]Kelat al hamrah)مەنە تەرجىمىسى«قىزىل قورغان». ئوتتۇرا ئەسىردە ماۋروسلار ھۆكۈمرانلىرى ئىسپانىيىدە قۇرغان گرانادا پادىشاھلىقىنىڭ ئوردىسى. 1354 — 1391-يىللىرى قۇرۇلغان. ئوردا دېڭىز يۈزىدىن 730 مېتر ئېگىز، يەر تۈزۈلۈشى مۇھىم بولغان تاغ ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، شەرقتىن-غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 700 مېتر، جەنۇبتىن-شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 200 مېتر، ئېگىزلىكى 30 مېتر كېلىدىغان سېپىلى بار. ئۇ نۇرغۇن قەسىرلەردىن تەركىب تاپقان. جۈپ قەسىر، باش ئەلچىلەر قەسىرى، شىر ھويلا قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە شىر ھويلا ئېگىزلىكى 4.3 مېتر كېلىدىغان 124 تال ئاق مەرمەر تاشتىن ياسالغان ئەپچىل كارىدور ۋە كۈل رەڭ مەرمەر تاشقا ئويۇلغان 12 شىر ئارىغا ئېلىپ تۇرغان فونتانلىق بۇلاق بىلەن مەشھۇر. ئوردا تاملىرىدا رەڭگى چاقناپ تۇرىدىغان گەج زىننەتلەر ۋە ئەرەب يېزىقىدىكى نەقىشلەر بولۇپ، ئاجايىپ نەپىس كۆرۈنىدۇ.

ئالساس-لوررىن

  • ئالساس-لوررىن[يەشمىسى:]Lorraine-Alsace) تارىخىي رايون نامى. فرانسىيىدىكى ئالساس ۋە ئوررىن چېگرىسىدىكى مېئۇرت (Meurthe) ئۆلكىسىنى ھەم موزىل (Moselle) ئۆلكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1871-يىلى فرانسىيە بۇ رايوننى گېرمانىيىگە بۆلۈپ بەرگەن. گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى بۇ رايوننى يۇقىرى ئالساس، تۆۋەنكى ئالساس ۋە لوررىندىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا ئايرىپ، بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەمدە يەرلىك ئاھالىنى مەجبۇرىي ھالدا نېمىسلاشتۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1919-يىلى ئىمزالانغان «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى» گە ئاساسەن فرانسىيىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن. 1940-يىلى فاشىست گېرمانىيىسى يەنە يۇتۇۋالغان. 1945-يىلى فرانسىيە يەنە بىر قېتىم بۇ رايوننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالغان. 

ئالېكساندرىيە

  • ئالېكساندرىيە[يەشمىسى:] غەربىي يۇرتتىكى قەدىمىي شەھەر ياكى ئارىئانا(Ariana) نىڭ شەرقىدىكى ئالېكساندرىيە (Alexandria) شەھىرىنىڭ باشقىچە تەرجىمىسى. تەخمىنەن بۈگۈنكى ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى ھېراتقا توغرا كېلىدۇ. مىلادىدىن 329 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيە پادىشاھى ئالېكساندر شەرققە يۈرۈش قىلغان مەزگىلدە بىنا قىلىنغان. كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئىران ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىدىكى مۇھىم شەھەرگە ئايلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرق ئوتتۇرىسىدىكى سودا بېكەتلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. «خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»، «ۋېي سۇلالىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابلاردىمۇ بۇ نام ئۇچرايدۇ.

ئالېكساندر

  • ئالېكساندر[يەشمىسى:]Aleksandar Karageorgevic، 1806 — 1858).سېربىيەكىنەزى(1842 — 1858) 1804 — 1813-يىللىرىدىكى سېربىيە قوزغىلىڭى رەھبىرى قارا-گېئورگې (Kara George) نىڭ ئوغلى. 1842-يىلى ۋۇچىچ (Vucic Perisic Tome، 1790 — 1859) سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، ئوبرېنوۋىچ خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن تەختكە چىقىرىلغان، ۋۇچىچ ئولىگارخ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قورالى بولغان. ئاۋسترىيىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەتنى كۈچەيتىپ، ئەكسىيەتچىل سىياسەت يۈرگۈزۈپ، خەل-قنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1858-يىلى خەلق پارلامېنتى تەرىپىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

ئامارنا خەت-ئالاقىلىرى

  • ئامارنا خەت-ئالاقىلىرى[يەشمىسى:]قەدىمك-ى مىسىرنىڭ يېڭى پادىشاھلىق دەۋرىدىكى دىپلوماتىيە خەت-ئالاقىلىرى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا تېل ئېل ئامارنا (Tel el Amarna مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا 287 كىلومېتر كېلىدىغان جاي) ئەتراپىدىن تېپىلغان. 400 پارچىغا يېقىن سېغىز تاختا پۈتۈك بولۇپ، ئاساسەن ئاككاد (مېسوپوتامىيە) نىڭ مىخ يېزىقى بىلەن يېزىلغان. ئۇ ئاساسەن 18-خاندانلىقنىڭ فىرئەۋىنى ئامېنخوتېپ Ⅲ (AmenhotepⅢ، مىلادىدىن ئىلگىرى 1417 — 1379)، ئامېنخوتېپ Ⅳ بىلەن بابىلون، ئاسسۇرىيە، مىتان ۋە خېتت قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خان جەمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى باردى-كەلدىگە ئائىت خەت-ئالاقىلەردىن ئىبارەت. ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅤ ئەسىردىن ⅩⅣ ئەسىرگىچە مىسىر بىلەن غەربىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ، مىسىرنىڭ سۈرىيە، پەلەستىن ئەتراپىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ۋە غەربىي ئاسىيا رايونىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ( مەسىلەن، ئىتتىپاق قۇرۇش، ئەسكەر ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىش ۋە ئالتۇن ئىنئام قىلىش قاتارلىقلار) نى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ھازىر بېرلىن، لوندون، قاھىرە مۇزېيلىرىدا ساقلانماقتا. 

ئامارى

  • ئامارى[يەشمىسى:]Michele Amari، 1806 — 1889) ئىتالىيە تارىخشۇناسى. 1842يىلى«سىتسىلىيىدىكى كەچكى ئىبادەت» دېگەنئەسىرنىئېلان قىلغان.بۇ ئەسەر 1848-يىل ئىنقىلابى ھارپىسىدىكى ئىنقىلاب ساداسى بولغان. كېيىن فرانسىيىدە ئۇزۇن ۋاقىت مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. بۇ مەزگىلدە ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، جەنۇبىي ئىتالىيىدىكى 1848-يىلدىكى ئىنقىلابقا قاتناشقان ھەمدە ئىنقىلابىي ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئىتالىيە بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە مائارىپ ۋەزىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان (1862 — 1864). سىتسىلىيە ئارىلىدىكى ئەرەبلەرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش بىلەن كۆپ يىل شۇغۇللانغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «سىتسىلىيە ئارىلىدىكى مۇسۇلمانلار تارىخى» قاتارلىقلار بار. 

ئامازونلار

  • ئامازونلار[يەشمىسى:]Amazones ياكى Amazons) قەدىمكى يۇنان رىۋايەتلىرىدىكى ئايال لەشكەرلەر. ئوۋچىلىق ۋە ھەربىي يۈرۈشكە ماھىرلىقى بىلەن نام چىقارغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، يۇناننىڭ شەرقىي شىمال چېگرىسى ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى تېمىسكىرا (Tehmiscyra) بىلەن شىمالىي قىرغىقىدىكى تانائىس (Tanais) نى بازا قىلغان.ئايال پادىشاھ ھۆكۈمران بولۇپ، مەملىكەت ئىچىدە ئەرلەرنىڭ تۇرۇپ قېلىشى مەنئى قىلىنغان؛ ئەۋلادىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، دائىم ئەتراپىدىكى كاپكاز تاغلىق رايونىدىكى ئەرلەر بىلەن ۋاقىتلىق جورا بولۇشقان؛ تۇغۇلغان قىز بالىنى ئۆزلىرى باققان، بۇلار چوڭ بولغاندا لەشكەر بولغان. باتۇر، ئات مىنىش ۋە ئوقيا ئېتىشقا ماھىر بولۇپ، دائىم ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، غەربىي ئاسىيا ۋە ئېگېي دېڭىزى بويىدىكى بەزى شەھەر-يېزىلارنى تارتىۋالغان ھەمدە كۆپ قېتىم يۇنانلىقلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ئامازون ئايال جەڭچىلىرىنىڭ ئوبرازى قەدىمكى يۇنان ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ۋەقەلىكى قىلىنغان، پارتېنون چېركاۋىدىكى ئافىنانىڭ ھەيكىلى (پېدىياس ئىشلىگەن) نى ئالىدىغان بولساق، ئايال تەڭرى ئافىنا سول قولىدا تۇتۇپ تۇرغان قالقانغا يۇنانلىقلار بىلەن ئامازونلار جەڭ قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش نەقىش قىلىنغان.

ئامازون ھەمكارلىق شەرتنامىسى تەشكىلاتى

  • ئامازون ھەمكارلىق شەرتنامىسى تەشكىلاتى[يەشمىسى:]جەنۇبىي ئامېرىكا ئامازون دەرياسى ۋادىسى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ رايون خاراكتېرلىك خەلقئارالىق ھەمكارلىق تەشكىلاتى. 1978-يىلى 7-ئايدا برازىلىيە، پېرۇ، بولىۋىيە، ئېكۋاتور، كولۇمبىيە، گۋىئانا، سورىنام ۋە ۋېنېسۇئېلادىن ئىبارەت سەككىز دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى برازىلىيىدە ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالىغان؛ 1980-يىلى 8-ئايدا كۈچكە ئىگە بولغان. شەرتنامىدە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر بىرلەشمە ھەرىكەت قوللىنىپ، ئامازون رايونىنىڭ ماس قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، مۇھىت ئاسراش ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۇنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇپ، قەرەلسىز ئېچىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.1980يىلى10-ئايدا برازىلىيىنىڭ بېلېم دېگەن شەھىرىدە تۇنجى قېتىملىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى چاقىرىلىپ ھەمدە «بېلېم خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنىپ، يۇقىرىدىكى مەقسەت قايتا شەرھلەنگەن. ئامازون ھەمكارلىق ئۇيۇشمىسى يىغىنى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالىي دەرىجىلىك دىپلوماتىيە ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان، ھەر يىلى بىر قېتىم يىغىن ئېچىپ، ھەر خىل ھەمكارلىق پىلانلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەن. 

ئاماكاسۇ ۋەقەسى

  • ئاماكاسۇ ۋەقەسى[يەشمىسى:]ياپونىيە ژاندارمىسىنىڭ ئانارخىست ئوسۇگىئوۋىنى ئايالى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرگەن ۋەقە. 1923-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى كانتون رايونىدا قاتتىق يەر تەۋرەپ، توكيو ژاندارما شۆبە ئەترەت باشلىقى، كاپىتان ئاماكاسۇ ماساھكو(1891 — 1945) قاتارلىقلار يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى مالىمانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، 16-كۈنى كېچىسى ئوسۇگىئوۋىنى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى ھەمدە يەتتە ياشلىق جىيەنىنى ژاندارما ئەترەتكە مەجبۇرىي ئېلىپ بارغان، شۇ كېچىسى مەخپىي ھالدا ئۆلتۈرۈپ، جەسىتىنى قۇرۇق قۇدۇققا تاشلىۋەتكەن. ئىش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئاماكاسۇ پەقەت 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئۈچ يىلدىن كېيىن كەچۈرۈم قىلىنىپ تۈرمىدىن چىققان. 

ئامانلىقنى ساقلاش كومىتېتى

  • ئامانلىقنى ساقلاش كومىتېتى[يەشمىسى:] فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە مىللىي ئۇيۇشمىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاشقامەسئۇلئاپپاراتى.1792-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان. 12 نەپەر ئەزا مىللىي ئۇيۇشما ئەزالىرى ئىچىدىن سايلاپ چىقىلغان ھەمدە بۇلار مىللىي ئۇيۇشما ئالدىدا جاۋابكار بولغان. ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ سايلانغان، داۋاملىق سايلانسا داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئاساسىي ۋەزىپىسى ئەدلىيە، تېررىتورىيە بىخەتەرلىكى ۋە گۇمانلىق ئۇنسۇرلارغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت. گىروندېچىلار ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىللىرىدە رولىنى جارى قىلالمىغان. 1793-يىل 9-ئاينىڭ 13-كۈنى قايتىدىن تەشكىل قىلىنغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن ھەمدە ئۇنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولغان. لېكىن لېباس (Philippe Fra сois Joseph Lebas) ۋە داۋىدنى ھېسابقا ئالمىغاندا باشقا ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى روبېسپېر گۇرۇھىدىن بولمىغان. ياكوبىن دىكتاتۇرىلىقى مەزگىللىرى مەخسۇس ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، بىر مەھەل «تېررورلۇق ئورنى» غا ئايلىنىپ قالغان، شۇنىڭدەك ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتى بىلەن ئۈزلۈكسىز توقۇنۇشۇپ تۇرغان. 1794-يىلى ئەتىيازدا، مەزكۇر كومىتېتنىڭ زور كۆپچىلىك ئەزالىرى روبېسپېرغا قارشى ئۇنسۇرلارغا ئايلانغان. تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلالمىغان. 1795-يىلى 10-ئايدا مىللىي ئۇيۇشما بىلەن بىرلىكتە تارقىتىۋېتىلگەن. 

ئامانۇللاخان

  • ئامانۇللاخان[يەشمىسى:] Amanullah Khan، 1892 — 1960) ئافغانىستان بارراقزائى خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى(1919— 1929). ياشلىق دەۋرىدە ياش ئافغانىستان پارتىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئىرادە باغلىغان. 1919-يىلى 2-ئايدا ئاتىسى ھەبىبۇللاخان (Habibullah Khan ، 1872 — 1919) سۇيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن تەختكە چىققان. ئۇ شۇ يىلى ئافغانىستان خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئەنگلىيىگە قارشى ئۈچىنچى قېتىم ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئەنگلىيىنى ئافغانىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە بىر قاتار ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. 1927-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ چەت ئەللەرنى ئۇزۇن ۋاقىت زىيارەت قىلىپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىسلاھاتنىڭ قەدىمىنى تېزلەتكەن، نەتىجىدە قەبىلە باشلىقلىرى ۋە يۇقىرى قاتلامدىكى زاتلارنىڭ مەنپەئىتىگە چېقىلىپ قويغان، باج-سېلىقنىڭ ئېغىرلىشىشىمۇ خەلقنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھەرقايسى جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن توپىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. 1929-يىلى ئۇ بەچچە سۇچى قوزغىلىڭى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن ياۋروپاغا قېچىپ كەتكەن.

ئامانياكچىلار

  • ئامانياكچىلار[يەشمىسى:]ⅩⅤ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى فرانسىيىدىكى چوڭ فېئوداللار گۇرۇھى. فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅵ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىل (1380 — 1422) دە پادىشاھ ھاكىمىيىتى زاۋالغا يۈزلەنگەن بولۇپ، چوڭ فېئوداللار ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرغان. ئورلېئان گېرتسوگىنى قوللىغۇچى گراف ئامانياك باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇھ ئامانياكچىلار دەپ ئاتالغان بولۇپ، فرانسىيە كورۇلىغا مايىل بولغان. بۇرگۇند گېرتسوگى باشچىلىقىدىكى يەنە بىر گۇرۇھ بۇرگۇندچىلار دەپ ئاتالغان. 1408-يىلى بۇرگۇندچىلار ھاكىمىيەتنى كونترول قىلغان. 1413-يىلى ئامانياكچىلار پارىژغا بېسىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. كېيىن بۇرگۇندچىلار ئەنگلىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ(«100 يىللىق ئۇرۇش»قا قاراڭ)،فرانسىيە كورۇلىغا قارشى تۇرغان. 1435-يىلى فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅶ بۇرگۇند گېرتسوگى فېلىپ (ياخشىچاق) بىلەن «ئارراس سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش ئاياغلاشقان.

ئامبار قورۇسى

  • ئامبار قورۇسى[يەشمىسى:]ياپونىيىنىڭ نارا مەزگىلىدىكى شەرقىي قەسىر ئىبادەتخانىسىنىڭ ئاساسلىق ئامبىرى. جەنۇبتىن- شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 2.37 مېتر،شەرقتىن-غەربكە كەڭلىكى 9 مېتر، ئېگىزلىكى 14 مېتر كېلىدۇ. چوڭ بۇتخانىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئۈچ ئامبارغا بۆلۈنگەن، ساقلانغان بۇيۇملار 10 مىڭدىن ئاشىدۇ. شىمالىي ئامباردا گۇاڭمىنىڭ شەرقىي قەسىر بۇتخانىغا ھەدىيە قىلغان تېننو شومۇنىڭ نەرسە-كېرەكلىرى ساقلانغان؛ ئوتتۇرا ئامباردا مىلادى 752-يىلى (تيەنپىڭ شىڭباۋنىڭ 3-يىلى) بۇت كۆچۈرۈش مۇراسىمىدا سوۋغا قىلىنغان بۇيۇملار ۋە قورال، ھۈججەتلەر ساقلانغان؛ جەنۇبىي ئامباردا ئاساسەن شەرقىي قەسىر ئىبادەتخانىنىڭ دىنىي مۇراسىم سايمانلىرى (يۈز نىقابى، كىيىم-كېچەك ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ساقلانغان. بۇ ئامباردا ياپونىيىنىڭ ئۆزىدىن چىققان مەھسۇلاتلاردىن باشقا، جۇڭگونىڭ تاڭ دەۋرىدىكى بىرمۇنچە بۇيۇملار، ھەتتا يەنە غەربىي ئاسىيا، گرېتسىيە، رىملارنىڭ بۇيۇملىرىمۇ ساقلانغان، بۇ قەدىمىي بۇيۇملار پەرمان بويىچە پېچەتلىنىپ ساقلانغاچقا ياپونىيىنىڭ قەدىمكى تارىخى شۇنداقلا ياپونىيىنىڭ چەت ئەللەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىق ھېسابلىنىدۇ. 1962-يىلىدىن ئېتىبارەن، ئامباردىكى مەدەنىي يادىكارلىقلار يېڭىدىن ياسالغان شى باۋكۇ ئامبىرىغا يۆتكەپ كېلىنىپ، ھەر يىلى دۆلەتلىك نارا مۇزېيى ئىچىدە قەرەللىك كۆرگەزمە قىلىنماقتا.

ئامرا مەدەنىيىتى

  • ئامرا مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]ناچادا مەدەنىيىتى Ⅰ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىسىردا برونزا قوراللار بىلەن تاش قوراللار بىرلىكتە ئىشلىتىلگەن دەۋردىكى مەدەنىيەت. 1895-يىلى يۇقىرى مىسىرنىڭ ئابىدوس (Abydos) ئەتراپىدىكى ئەل-ئامرا (El Amra) دېگەن جايدىن تېپىلغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا توغرا كېلىدۇ. ئومۇمەن ئابىدوسنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ناچادادىن ئېدفۇ (Edfu) دېگەن جايغىچە تارقالغان. قېپقالغان نەرسىلەردىن تاش گۈرجەك، تاش ئوتىغۇچ ۋە تاش پىچاق قاتارلىقلار بار، ئېسىل سۈپەتلىك چاقماق تېشى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ياسىلىشى بىرقەدەر سىپتا بولغان. برونزا قوراللاردىن نېپىز برونزا تاختا ۋە بىر ئۇچىغا كۆز چىقىرىلغان برونزا يىڭنە قاتارلىقلار بار. ساپال قاچىلىرىغا ئۆزىگە خاس قىزىل گىرۋەك چىقىرىلغان، يەنە ئاق گىرۋەك چىقىرىلغانلىرىمۇ بارلىققا كەلگەن. ئاھالىسى ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ھەم بېلىق تۇتۇش ۋە ئوۋچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. قەبرىستانلىقتىن پىل چىشى ۋە تاشتىن ياسالغان ئەركەكنىڭ كىچىك ھەيكىلى تېپىلغان. قېزىۋېلىنغان نەرسىلەر ئىسپاتلىدىكى، ئامرا مەدەنىيىتى ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتى باسقۇچىدا تۇرغان، لېكىن ئاخىرقى باسقۇچىغا توغرا كېلىدۇ.

ئامرىتسار پاجىئەسى

  • ئامرىتسار پاجىئەسى[يەشمىسى:] ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ھىندىستاندىكى ئامرىتسار (Amritsar) خەلقىنى قىرغىن قىلغان ۋەقە. 1919-يىلى 3- ئاينىڭ بېشىدا، ئامرىتسار شەھەر خەلقى ئەنگلىيىگە قارشى ئۈزلۈكسىز كۈرەش ئېلىپ بېرىپ «روۋلات قانۇنى» غا ئېتىراز بىلدۈرگەن. 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى بۇ شەھەردىكى داڭلىق ئىككى سىياسىئوننى شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىپ، خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. 30 مىڭدىن ئارتۇق ئامما شەھەر مەمۇرىيىتى مەيدانىدا نامايىش قىلىپ، قوراللىق ساقچى ۋە ئارمىيە بىلەن توقۇنۇشقان ھەمدە نامايىشنى خەلق قوزغىلىڭىغا ئايلاندۇرغان. قوزغىلاڭچىلار پويىز ئىستانسىسى، تېلېگراف ئىدارىسى ۋە تېلېفون ئىدارىسىنى ئىشغال قىلغان. مۇستەملىكىچى دائىرىلەر شۇ كۈنى كەچتە دەرھال مايور ديېر (Dyer) باشچىلىقىدىكى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى ئەۋەتىپ بۇ شەھەرگە ئورۇنلاشتۇرغان. 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جۇلىنۋارا بەگ مەيدانىغا يىغىلغان. ديېر ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىپ مەيداننىڭ چىقىش ئېغىزىنى قامال قىلىۋالغان ھەمدە يىغىلغان ئاممىنى ئوققا تۇتۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، 379 كىشىنى شۇ جايدىلا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، 1200 دىن ئارتۇق كىشىنى يارىدار قىلغان. پاجىئەدىن كېيىن خەۋەرنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى تۆت ئاي كونترول قىلغان. خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، پەنجاپ ۋە ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەنگلىيىگە قارشى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك دولقۇن كۆتۈرۈلگەن.

ئامفىپول

  • ئامفىپول[يەشمىسى:]Amphipolis) قەدىمكى گرېتسىيە شەھىرى. ئېگېي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى (ماكېدونىيىنىڭ جەنۇبى) سىترېمون (Strymon) دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز پورت شەھىرى — ئېئون (Eion) شەھىرىگە 8 كىلومېتر كېلىدۇ. دەسلەپ فراكىيە مىللىتىدىن بولغان ئىدونېلار (Edoni ياكى Edones) ئىگىلىگەن بولۇپ «توققۇز يوللۇق شەھەر»دەپ ئاتالغان. بۇ يەرنىڭ قاتنىشى قولايلىق، تەبىئىي بايلىقى مول (شەرقىي قىسمىدا پانگېي ئالتۇن كانى بار)، ستراتېگىيىلىك ئورنى مۇھىم بولۇپ، گرېتسىيىدىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەر دۆلەتلىرى دائىم بۇ يەرگە خىرىس قىلىپ كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرى مىلېت (كىچىك ئاسىيادا) تىرانى ئارىستا گورا بۇ يەردە مۇستەملىكە قۇرماقچى بولغاندا توسالغۇغا ئۇچرىغان. مىلادىدىن 465 يىل ئىلگىرى ئافىنادىن 10 مىڭ كۆچمەن كۆچۈپ كىرگەندە، ئىرونېلار تەرىپىدىن يوقىتىلغان. مىلادىدىن 437 يىل ئىلگىرى، ئافىنالىقلار ئىرونېلارنى قوغلاپ چىقىرىپ ئاخىر بۇ يەرنى بېسىۋېلىپ، نامىنى «ئامفىپولىس» غا ئۆزگەرت- كەن، بۇ سىتىيىرىمون دەرياسى «ئوراپ تۇرغان شەھەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئافىنالىق- لارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا دېڭىز سودىسى تېز راۋاجلىنىپ، مەشھۇر ئاۋات شەھەرگە ئايلانغان. پېلوپوننېس ئۇرۇشى داۋامىدا سپارتا سەردارى براسىدېس (Brasidas) بېسىۋالغان (مىلادىدىن 424 يىل ئىلگىرى). كېيىن يەنە ماكېدونىيىگە تەۋە (مىلادىدىن 358 يىل ئىلگىرى) بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە رىم زېمىنىغا قوشۇۋېلىنىپ، ئاپتونوم شەھەر جۈملىدىن بۇ رايوننىڭ مەمۇرىي مەركىزى قىلىپ ئايرىلغان.

ئامميانۇس· مارسېلىنۇس

  • ئامميانۇس· مارسېلىنۇس[يەشمىسى:]Ammianus Marcellinus، تەخمىنەن 330 — 401) قەدىم-كى رىم تارىخشۇناسى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، يۇنانلىقلارنىڭ ئەۋلادى. دەسلەپ رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاتلىق قىسمىدا ئەسكەر بولۇپ، گاللىيە قاتارلىق جايلارنى مۇداپىئە قىلغان، پېرسىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ، سۈرىيە، مىسىر قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ چىققان. كېيىن رىمغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، مەخسۇس تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ لاتىنچە يازغان 31 توملۇق «رىم تارىخى» دېگەن ئەسىرى بار. بۇ ئەسەردە تاتىسېتنىڭ تارىخىي ئەسىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاساسەن مىلادى 96-يىلى دومېتئان ئۆلگەندىن تارتىپ 378-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، رىم ئىمپېرىيىسى زاۋالغا يۈز تۇتقان دەۋردىكى ئىجتىمائىي ئەھۋاللارنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئەسەردىكى تارىخىي ۋەقەلەر تەپسىلىي ۋە ھەقىقىي ئىشەنچلىك بولۇپ، مول تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە. ھازىر بۇنىڭ 18 تومى (14 — 31 توملار) ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىقتىدارىمۇ ياخشى بولۇپ، كېيىنكىلەر تەرىپىدىن تەرىپلىنىپ كەلگەن.

ئامورىلار

  • ئامورىلار[يەشمىسى:]Amorites) سەمىتلار (ساملار)نىڭ بىر تارمىقى. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە سۈرىيىدىكى مېسوپوتامىيە ۋادىسى ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان. ئاككاد تىلى (مىخ يېزىق سېغىز مەتبەئەسى) دا «ئامۇررۇ» (Amurru) دەپ ئاتالغان بولۇپ، «غەربلىكلەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «تەۋرات» تا «ئامورىلار» دەپ ئاتالغان. ئۇلار ئاساسەن پەلەستىن رايونىدا ئولتۇراقلاشقان كەنئانلار(Canaanites)نى كۆرسىتىدۇ. مىلادىدىن تەخمىنەن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇلار مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇر ئۈچىنچى خاندانلىقىنى مەغلۇپ قىلغان ھەمدە ئىسسىن، لارسا قاتارلىق شەھەرلەرنى بىنا قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامورىلارنىڭ يەنە بىر تارمىقى ئېفرات دەرياسى بويىدىكى بابىلون شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقىنى قۇرغان. ئۇلارنىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد پادىشاھى خاممۇرابى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى) پۈتۈن مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى كەڭ رايونلارنى بويسۇندۇرۇپ، ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن، بىرلىككە كەلگەن كۈچلۈك دۆلەت قۇرغان ھەمدە «خاممۇرابى قانۇنى» نى تۈزگەن. ئامورىلار سۈمېر-ئاككاد مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، سام تىلىدىكى مىخ يېزىقنى قوللانغان.

ئامورىم

  • ئامورىم[يەشمىسى:]Amorim Enrique، 1900 — 1960) ئوراگۋاي يازغۇچىسى. سالتو (Salto) دا تۇغۇلغان. ئۇزۇن ۋاقىت بۇئېنوس-ئايرېستا تۇرغان. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئارگېنتىنا ئەدەبىياتى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان. ئەسەرلىرىدە ئاساسەن ھەرقايسى ئىجتىمائىي تەبىقىلەرنى تەسۋىرلىگەن بولۇپ، ئۆزىگە خاس ئەدەبىي ئۇسلۇب ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچىگە ئىگە. يېزا ۋەقەلىك قىلىنغان رومانلىرىدىن«ئات ھارۋىسى»، «دېھقان ئاگىليار»، «ئات ۋە ئۇنىڭ سايىسى» قاتارلىقلار؛ سىياسىي رومانىدىن «غەلىبە يالغۇز كەلمەيدۇ» قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ يەنە ئىجتىمائىيەت مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىپ يازغان ئەسەرلىرىدىن «ئوچۇق ھويلا»، «ئورمان باققۇچى»، «دەريا ئېغىزى» قاتارلىقلار بار.

ئامون

  • ئامون[يەشمىسى:]Amon ياكى Ammon) قەدىمكى مىسىر تەڭرىسى. ئۇ ئەسلىدە يۇقىرى مىسىردىكى تېبېس شەھىرىنىڭ ھامىي تەڭرىسى ئىدى. ئوتتۇرا پادىشاھلىق دەۋرىدە مىسىر تېبېسنى مەركەز قىلغان ھالدا بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. ئامون بارا-بارا پۈتۈن مىسىرنىڭ ئالىي تەڭرىسى بولۇپ قالغان. فېرئەۋىن ئۆزىنى «ئاموننىڭ ئوغلى» دەپ ئاتىغان. ئامون دائىم را تەڭرىسى (قۇياش تەڭرىسى) بىلەن بىرگەۋدە قىلىپ قارىلىپ، «ئامون، را تەڭرىسى» دەپ ئاتالغان. مىسىر مەركىزىي ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ (بولۇپمۇ 18-سۇلالە دەۋرى) ئامون، را تەڭرىسى بارلىق تەڭرىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ تەڭرى دەپ جاكارلانغان. مىسىر ئەپسانىلىرىگە قارىغاندا ئامون، را ھەر كۈنى ئالتۇن قولۋاققا ئولتۇرۇپ سامانى كېزىپ، ئۆز نۇرىنى زېمىنغا چاچىدىكەن، كېچىسى يەر ئاستىغا چۈشۈپ، تاڭ سەھەردە يورۇق دۇنياغا قايتىپ كېلىدىكەن، يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستىدىن ئىبارەت ئىككى دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى ئىكەن. تېبېستىكى ئامون ئىبادەتخانىسى قەدىمكى مىسىرنىڭ ئەڭ چوڭ ئىبادەتخانىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەددى-ھېسابسىز يېرى ۋە بايلىقى بولغان. ئامون كاھىنلىرىنىڭ ھوقۇق-كۈچى فېرئەۋىنلەر بىلەن باراۋەر بولغان.

ئامۇسۇۋارما

  • ئامۇسۇۋارما[يەشمىسى:]Varm- Amushu) ئانسوفاما دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نىپال لىككاۋى خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (595 — 640). ئۇ تەختتە ئولتۇرغاندا باج-سېلىقنى كېمەيتىپ ۋە كۆتۈرۈۋېتىپ، ئىگىلىكنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەدەبىيات-سەنئەتنى مۇكاپاتلاپ، كىلىسكوت دەپ ئاتىلىدىغان يەتتە قەۋەتلىك بىنا سالدۇرغان، بىر گرامماتىكا كىتابى تۈزۈپ چىققان. جۇڭگونىڭ شىزاڭ رايونى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، تەخمىنەن مىلادى 639-يىلى قىزى بىرىكۇت (Bhrikuti) نى تىبەتلەرنىڭ پادىشاھى سۇڭزەنگەنبۇغا ياتلىق قىلغان.

ئامېدېئوⅡ

  • ئامېدېئوⅡ[يەشمىسى:]Vittorio Amedeo Ⅱ، 1666 — 1732) ساۋوييا گېرتسوگى (1675-يىلدىن باشلاپ)، سىتسىلىيە كورۇلى(1713 — 1720)، ساردىنىيە كورۇلى (1720 — 1730). 1690- يىلى فرانسىيىگە قارشى ئاۋگىسبورگ ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 1696-يىلى ئىسپانىيە لومباردىيىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغاچقا، فرانسىيە بىلەن تۇرىندا سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىغان، شۇنىڭ بىلەن فرانسىيىنىڭ پېمونتتىكى كۈچى بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن. ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىدا، دەسلەپتە فرانسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن، كېيىن لومباردىيە مەسىلىسىدە توقۇنۇشۇپ قالغاچقا، فرانسىيە بىلەن دۈشمەنلەشكەن. «ئۇترىخېت سۈلھ شەرتنامىسى» (1713) گە ئاساسەن، سىتسىلىيە ئارىلىغا ۋە ئۇنىڭ كورۇلى دېگەن نامغا ئىگە بولغان. 1720-يىلى ئىسپانىيىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، سىتسىلىيە ئارىلىنى ئاۋسترىيىگە بۆلۈپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ساردىنىيە ئارىلىنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ئىچكى سىياسەت جەھەتتە تەرەققىيپەرۋەر مۇستەبىتلىك تۈزۈم فاڭجېنىنى قوللانغان. 1730-يىلى تەختنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن. 

ئامېدېئوⅢ

  • ئامېدېئوⅢ[يەشمىسى:] Vittorio Amedeo Ⅲ، 1726 — 1796) ساردىنىيە كورۇلى (1773 — 1796). تەختكەچىققان-دىن كېيىن دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئالپ تاغلىرى چېگرىسىدىكى قورۇللارنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىي قوشۇنلار ۋە زاپاس قوشۇنلارنى كۆپەيتكەن. فرانسىيە بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت قىلىپ، 1775-يىلى فرانسىيە بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزۈپ، ئاۋسترىيىنىڭ تەھدىتىگە قارشى تۇرغان. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوردىسى فرانسىيە قاچقۇن ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ پاناھلىنىدىغان جايىغا ئايلانغان. 1792-يىلى ياۋروپا فېئودال پادىشاھلىرىنىڭ فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقىغا قاتناشقان ھەمدە فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى ئارمىيىسىگە زەربە بەرگەن. 1796-يىلى ناپولېئون تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، فرانسىيە بىلەن سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىغان. شەرتنامىگە ئاساسەن ساۋوييا بىلەن نىسنى فرانسىيىگە بۆلۈپ بەرگەن ھەمدە پېمونتتا فرانسىيىنىڭ قوشۇن تۇرغۇزۇشىغا قوشۇلغان. 

ئامېرىكا-ئاۋسترالىيە-يېڭى زېلاندىيە بىخەتەرلىك شەرتنامىسى

  • ئامېرىكا-ئاۋسترالىيە-يېڭى زېلاندىيە بىخەتەرلىك شەرتنامىسى[يەشمىسى:] 1951-يىل9-ئاينىڭ1-كۈنى ئامېرىكا ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە بىلەن سان-فرانسىسكودا ئىمزالىغان ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى. ئۇنىڭدا: «ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش چارىسى» بىلەن «قوراللىق ھۇجۇمغا قارشى تۇرۇش» ئىقتىدارىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش؛ كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەتلەردىن ھەرقانداق بىرى «تەھدىت» كە ئۇچرىغاندا، بىرلىكتە كېڭىشىش؛ كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەتلەردىن ھەرقانداق بىرى «قوراللىق ھۇجۇم» غا ئۇچرىغاندا، بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش بەلگىلەنگەن. بۇ شەرتنامە چەكسىز كۈچكە ئىگە. شەرتنامىگە ئاساسەن ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىدىن تەركىب تاپقان «ئامېرىكا-ئاۋسترالىيە-يېڭى زېلاندىيە مۇدىرىيىتى» ئۈچ دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىلىرىدىن تەركىب تاپقان مۇدىرىيەت ياردەمچى كېڭىشى ۋە ئۈچ دۆلەت ھەربىي ۋەكىلىدىن تەركىب تاپقان ھەربىي ۋەكىللەر يىغىنى تەسىس قىلىنغان. 

ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى

  • ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى[يەشمىسى:] ئامېرىكىنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى. 1886-يىلى قۇرۇلغان. ئۇ، مەلىكىلىك ئىشچىلارنىڭ كەسىپداشلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى. ھەربىر كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسىدە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. مەلىكىسىز ۋە تەشكىلاتسىز ئىشچىلار قاتناشتۇرۇلمىغان، نېگىرلار قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلىرىمۇ كەمسىتىلگەن. ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى ئىشچىلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئىتىگىلا ئېتىبار بېرىپ، ئىشچىلارنىڭ سىياسىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشىغا قارشى تۇرغان. كوللېكتىپ توختام تۈزۈش ئارقىلىق ئىش سائىتىنى ئازايتىش، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىگە يېتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىش تاشلاشنى پەقەتلا ئەڭ ئاخىرقى كۈرەش ۋاسىتىسى قىلغان. 1935-يىلى تەشكىلات بۆلۈنۈپ كەتكەن، كان ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى قاتارلىق ئون سانائەت سىستېمىسىدىكى ئىشچىلار يولباشچىلىرى باشچىلىقىدا باشقىدىن ئامېرىكا سانائەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسى (قىسقارتىپ «سانائەت بىرلەشمىسى» دېيىلىدۇ) تەشكىل قىلىنغان. 1955-يىلى ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن سانائەت بىرلەشمىسى يېڭىباشتىن قوشۇلۇپ، «ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى — ئامېرىكا سانائەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسى — سانائەت بىرلەشمىسى» دەپ ئاتالغان. بۇ ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئامېرىكا-ئەنگلىيە ئۇرۇشى

  • ئامېرىكا-ئەنگلىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ئامېرىكا مىللىي مۇستەقىللىك ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان ئۇرۇش. ئامېرىكا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئەنگلىيە ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن داۋاملىق مۇداخىلە قىلغان، ناپولېئون ھۆكۈمرانلىقىدىكى مەزگىلىدە ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە بىر-بىرىگە قارىتا قامال قىلىش ھالەتتە تۇرغانلىقتىن، ئامېرىكىنىڭ دېڭىز سودىسىغا تەسىر يېتىپ، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيىنىڭ زىددىيىتى كەسكىنلەشكەن. ئامېرىكا جېففېرىسون ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ دېڭىزدا ئامېرىكىنىڭ سودا پاراخوتلىرىغا بۇزغۇنچىلىق سالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 1807-يىلى 12-ئايدا ترانسپورتنى مەنئى قىلىش قانۇنىنى جاكارلىغان. 1809-يىلى 3-ئايدا مېدىسون ھۆكۈمىتى يەنە ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە بىلەن بولغان سودا ئا- لاقىسىنى ئۈزۈش نىزامىنى ماقۇللىغان. 1811-يىل 5-ئاي-نىڭ 16-كۈنى، ئامېرىكا-ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئەنگلىيە مەغلۇپ بولغان.1812-يىل 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا ئەنگلىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئامېرىكا يېڭىلگەن.1813-يىلى ئامېرىكا تەرتىپكە سېلىش، تەشكىللەش ۋە ئاممىنى قوزغاش قاتارلىق تەدبىرلىرى ئار- قىلىق، ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئوڭشىغان. 1814-يىل-ى ناپولېئون مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە چوڭ قوشۇنلىرىنى يۆتكەپ ئۇرۇشقا سېلىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، نيۇ-يورك قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىپ، بىر مەھەل ۋاشىنگتونغىمۇ ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن. 1814-يىلى 3-ۋە 8-ئايلاردا، ئامېرىكا قوشۇنلىرى غەربىي جەنۇبتا ئەنگلىيە قوشۇنىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. 12-ئايدا ئىككى تەرەپ «گېنت سۈلھ شەرتنامىسى» ئىمزالىغان. ئەنگلىيە 1783-يىلى ئىمزالانغان «پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى» دىكى ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىك ھوقۇقى ۋە ئورنىنى قايتا ئېتىراپ قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ چېگرىسىنى ئايرىغان. بۇ ئۇرۇش ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى كۈچەيتكەن. تارىختا «ئامېرىكى-نىڭ 2-قېتىملىق مۇستەقىللىك ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان.

ئامېرىكا-پاناما قانال شەرتنامىسى

  • ئامېرىكا-پاناما قانال شەرتنامىسى[يەشمىسى:] ئامې-رىكىنىڭ پاناما بىلەن تۈزگەن ئىككى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان قانال ياساشتوغرىسىدىكى شەرتنامە.1903-يىلى 1-ئايدا ئامېرىكا كولومبىيە بىلەن شەرتنامە تۈزۈپ، پاناما قانىلىنى قېزىش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزگەن. ئەمما كولومبىيە پارلامېنتى شەرتنامىنى تەستىقلاشنى رەت قىلغان، ئامېرىكا پاناما رايونىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان. 11- ئاينىڭ 3-كۈنى پاناما كولومبىيىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. 6-كۈنى پاناما بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپ قانال شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان. شەرتنامىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: ئامېرىكىنىڭ پاناما زېمىنىدا قانال قېزىشىغا قوشۇلۇش، ئامېرىكىنىڭ قانالنى ياساش، تىجارەت قىلىش، مۇھاپىزەت قىلىش ۋە قوغداش ئىشلىرى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان زېمىنىنى مەڭگۈلۈك ئىشلىتىشىگە، ئىگىلىشىگە ۋە كونترول قىلىشىغا ماقۇل بولۇش؛ مەزكۇر رايوندا ئامېرىكا ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، پاناما ئامېرىكىنىڭ بارلىق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى، ھوقۇق كۈچىنى ۋە ھوقۇق ئىقتىدارىنى ئېتىراپ قىلىش ؛«پاناما جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ خىل ھوقۇق-مەنپەئىتى، ھوقۇق كۈچى ۋە ھوقۇق ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ئىستىس-نا قىلىش»؛ ئامېرىكا پانامانىڭ مۇستەقىللىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، پاناماغا 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل ۋە ھەر يىلى پۇل ھېسابىدا 250 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بېرىش دېگەنلەردىن ئىبارەت. 1914-يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى 3.85 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتىكى پاناما قانىلى ياساپ تاماملىنىپ، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان.

ئامېرىكا دېھقان-ئىشچىلار پارتىيىسى

  • ئامېرىكا دېھقان-ئىشچىلار پارتىيىسى[يەشمىسى:] ئامېرىكىدىكى دېھقانلار بىلەن تەشكىللىك ئىشچىلاردىن تەركىب تاپقان كىچىك پارتىيە. 1919-يىلى چىكاگودا قۇرۇلغان چېغىدا، «مەملىكەتلىك ئەمگەكچى ئىشچىلار پارتىيىسى» دەپ ئاتالغان. 1920-يىلى ئىسمىنى «دېھقان-ئىشچىلار پارتىيىسى» گە ئۆزگەرتكەن. بۇ پارتىيە تۆمۈريول، جامائەت ئىشلىرى ۋە تەبىئىي بايلىقلار ئومۇم-نىڭ مۈلۈكچىلىكىدە بولۇش، خۇسۇسىي بانكىلارنى بىكار قىلىش، بوز يەرلەر دۆلەتنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلغان. 1923-يىلى ئىشچىلار پارتىيىسى (كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ تەكتى) نىڭ تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئىككى پارتىيە بىرلىشىپ، دېھقان-ئىشچىلار بىرلەشمە پارتىيىسى بولۇپ قۇرۇلغان. 1924-يىلى «تەرەققىيپەرۋەر سىياسىي پائالىيەتچىلەر كېڭەشمىسى» گە قاتنىشىپ، لافوللېتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىشىنى قوللىغان. 1924-يىلى، سايلامدىن كېيىن بۇ پارتىيە يوقالغان. شۇ ئارىدا، مىننېستا شتاتىدىكى پارتىيىسىزلار ئىتتىپاقىنىڭ قاتناشچىلىرى بىلەن بەزى ئىشچىلار ئۇيۇشما تەشكىلاتلىرى 1918-يىلىدىن باشلاپ، دېھقان-ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ نامىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ كىشىنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزالىقىغا ۋە شتات باشلىقلىقىغا سايلىغان. 1944-يىلى شۇ شتاتتىكى دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن.

ئامېرىكا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى

  • ئامېرىكا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى[يەشمىسى:] ئامېرىكا ئىسلاھاتچى ئىشچىلار پارتىيىسى. 1898-يىلى دىبىس قاتارلىقلار سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيە قۇرغان. 1901-يىلى ھېلىكۇئىت رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ مۆتىدىللار ئېقىمى بىلەن بىرلىشىپ، ئامېرىكا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى دەپ ئاتالغان. ئاساسىي پروگراممىسى سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىشنى سىياسىي كۈرەش ۋاسىتىسىقىلىپ،ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى بىلەن تەقسىماتنى تىزگىنلەپ، ئىنقىلابىي يول ئارقىلىق سوتسىيالىزم قۇرۇشقا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت. 1910-يىلى بۇ پارتىيىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 200 مىڭ ئەزاسى، 30 خىل كۈنلۈك گېزىتى، 12 خىل ئايلىق ژۇرنىلى ۋە 300 خىلغا يېقىن ھەپتىلىك گېزىتى بولغان. 1912-يىلى، ئىچكى قىسىمدا بۆلۈنۈش بولۇپ، سولچىلارنىڭ باشلىقى ھايۋۇد پارتىيىدىن ئايرىلىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. 1917-يىلى بۇ پارتىيە ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشىغا قارشى چىققاندا، دىبىس نەزەربەند قىلىنغان، ئۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى بىر قىسىم ئۇنسۇرلار پارتىيىدىن چېكىنىپ، ئۆز ئالدىغا ئۆكتىچى گۇرۇھ قۇرغان. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، پارتىيە ئىچىدىكى سولچىلار ئىسلاھاتچىلىق پروگراممىسىدىن ۋاز كېچىپ، كاپىتالىستىك تۈزۈمنى بىۋاسىتە ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلغان. 1919-يىلى چوڭ پارچىلىنىش يۈز بېرىپ، سولچىلاردىن روتېنېبېرگ قاتارلىقلار پارتىيىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن كوممۇنىستىك ئەمگەكچى-ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرغان (1921-يىلى بۇ ئىككى پارتىيە بىرلىشىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە بولۇپ قۇرۇلغان). 1924-يىلى تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى لافوللېتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىشىنى قوللىغان. 1928-يىلىدىن باشلاپ، مەزكۇر پارتىيىدىكى توماس(Norman Thomas، 1884 — 1968) زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە ئۇدا بەش قېتىم قاتنىشىپ، مەغلۇپ بولغان؛ 50-يىللاردا يەنە ئىككى نۆۋەت زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىپ، ئىنتايىن ئاز ئاۋازغا ئېرىشكەن؛ 1960-يىلى سىياسىي سەھنىدىن چېكىنىپ چىقىپ، مەخسۇس مائارىپ پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان.1972-يىلى بۇ پارتىيىنىڭ نامى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن.

ئامېرىكا-سىيام شەرتنامىس-ى

  • ئامېرىكا-سىيام شەرتنامىس-ى[يەشمىسى:] 1856-يىل 5-ئاينىڭ 19كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى توۋىنس-ىند خاررىس(Townsend Harris، 1804—1878)، سىيام (ھازىرقى تايلاند) پادىشاھى راما Ⅳ بىلەن باڭكوكتا ئىمزالىغان تەڭسىز شەرتنامە. شەرتنامىنىڭ مەزمۇنى «ئەنگلىيە-سىيام شەرتنامىسى» نىڭ مەزمۇنى بىلەن ئاساسەن ئوخشايدۇ. «ئەنگلىيە-سىيام شەرتنامىسى» غا قاراڭ.

ئامېرىكا-فرانسىيە شەرتنامىسى

  • ئامېرىكا-فرانسىيە شەرتنامىسى[يەشمىسى:] ئامېرىكا بىلەن فرانسىيە بىرلىشىپ ئەنگلىيىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تۈزگەن ئىتتىپاق شەرتنامىسى.1778-يىل2-ئاينىڭ 6-كۈنى پارىژدا ئىمزالانغان. ئۇنىڭدا: فرانسىيە ئامېرىكىنىڭ ھۈرلۈكى، مۇستەقىللىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ؛ ئامېرىكا فرانسىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى زېمىنىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ فرانسىيە غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدىكى ئەنگلىيە زېمىنىنى ئىشغال قىلسا بولىدۇ؛ ئامېرىكا ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى زېمىنى ۋە بېرمودا تاقىم ئاراللىرىنى قولغا كىرگۈزۈۋالسا بولىدۇ؛ ھەر ئىككىلا دۆلەتنىڭ ئەنگلىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا سۈلھ قىلىشىغا بولمايدۇ دېگەن مەزمۇنلار بەلگىلەنگەن. فرانسىيە شەرتنامىنى ئىمزالاش جەريانىدا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتقان ھەمدە 1783-يىلى ئەنگلىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا سۈلھ تۈزۈپ، شەرتنامىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان.

ئامېرىكا-فىلىپپىن ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسى

  • ئامېرىكا-فىلىپپىن ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسى[يەشمىسى:] «ئامېرىكا-فىلىپپىن بىرلەشمە مۇداپىئە شەرتنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.1951يىل9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكا فىلىپپىن بىلەن ۋاشىنگتوندا ئىمزالىغان ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى. 1952-يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. ئاساسىي مەزمۇنى: كېلىشىم تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپ «قوراللىق ھۇجۇمغا قارشى تۇرۇش» ئىقتىدارىنى «ساقلاپ قالىدۇ ھەم تەرەققىي قىلدۇرىدۇ»؛ تىنچ ئوكيان رايونىدا، كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەتنىڭ ھەرقانداق بىرى «قوراللىق ھۇجۇم» غا ئۇچرىغاندا، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى رەسمىيەت بويىچە، «ئورتاق خەۋپكە تاقابىل تۇرۇش» يولىدا ھەرىكەت قوللىنىدۇ دېگەندىن ئىبارەت. شەرتنامە چەكسىز كۈچكە ئىگە بولغان.

ئامېرىكا-فىلىپپىن ئۇرۇشى

  • ئامېرىكا-فىلىپپىن ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ئامېرىكا فىلىپپىنغا تاجاۋۇز قىلغان مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇش. 1898-يىلى فىلىپپىننىڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مۇستەقىللىك ئۇرۇشى ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا فىلىپپىننىڭ مۇستەقىللىكىنى قوللاش نامى ئاستىدا، شۇ يىلى 8-ئايدا مانىلانى ئىشغال قىلغان. ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىسپانىيە فىلىپپىننى ئامېرىكىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. 1899-يىلى 1-ئايدا، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، ئامېرىكا فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلماسلىق مەيدانىدا چىڭ تۇرغانلىقتىن، سۆھبەت قاتمال ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغان. شۇ يىلى 2-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرى ھۇجۇم قوزغاپ، كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان. فىلىپپىن ھەربىي ۋە خەلقى باتۇرانە جەڭ قىلىپ، 3 يىل ئىچىدە ئامېرىكا قوشۇنىنىڭ ئون مىڭدىن ئوشۇق ئادىمىنى يوقاتقان. 1901-يىلى 3-ئايدا، ئاگۇينالدۇ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا تەسلىم بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلغان، فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىلگەن. ئايرىم جايلاردىكى خەلق قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرىشى تاكى 1913-يىلىغا قەدەر داۋاملاشقان.

ئامېرىكا قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى

  • ئامېرىكا قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى[يەشمىسى:]ئامېرىكا خەلقىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىشىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان ۋە سەپەرۋەر قىلىدىغان ئاممىۋى تەشكىلات. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ قانات يايغان. 1826 — 1827-يىللىرى قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغۇچى 143 تەشكىلات بالتىمورېدا يىغىن ئېچىپ، قۇللۇق تۈزۈمنىڭ جىنايىتىنى ئەيىبلىگەن. 1832-يىلى بوستوندا يېڭى ئېنگلاند قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى قۇرۇلغان، ياندۇرقى يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى فىلادېلفىيىدە مەملىكەت خاراكتېرلىك تەشكىلات «ئامېرىكا قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى» تەشكىل قىلىنغان.ئارلخۇرتاپ-پان(Toppan Arlhur) جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان، باش شتابى نيۇ-يوركتا قۇرۇلغان. ئۇ بارلىق قۇللارنى شەرتسىز، دەرھال ئازاد قىلىشنى؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى قاتارلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ھەرىكىتىنى ئالغا سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان.

ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى تەشكىلاتى

  • ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى تەشكىلاتى[يەشمىسى:]ئامېرىكا قىتئەسىدىكى رايون خاراكتېرلىك تەشكىلات.1889-يىل 10-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئامېرىكا لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىلەن ۋاشىنگتوندا بىرىنچى قېتىملىق لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى يىغىنى (پان ئامېرىكا يىغىنى)ئۆتكۈزگەن،ياندۇرقى يىلى4-ئايدا «ئامېرىكا قىتئەسى جۇمھۇرىيەتلىرى خەلقئارا ئىتتىپاقى» قۇرۇلغان. ئۇنىڭ دائىمىي ئاپپاراتى «ئامېرىكا قىتئەسى جۇمھۇرىيەتلىرى سودا ئىشلىرى ئىدارىسى» بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭ نامى «ئامېرىكا قىتئەسى جۇمھۇرىيەتلىرى خەلقئارا ئىدارىسى»دەپئۆزگەرتىلگەن.1910-يىل 7-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، بۇئېنوس-ئايرېستا ئۆتكۈزۈلگەن 4-قېتىملىق پان ئامېرىكا يىغىنىدا، «ئامېرىكا قىتئەسى جۇمھۇرىيەتلىرى خەلقئارا ئىتتىپاقى» نىڭ نامىنى «ئامېرىكا قىتئەسى جۇمھۇرىيەتلىرى ئىتتىپاقى» دەپ، «ئامېرىكا قىتئەسى جۇمھۇرىيەتلىرى خەلقئارا ئىدارىسى» نى «پان ئامېرىكا ئىتتىپاقى» دەپ ئۆزگەرتىش قارار قىلىنغان. 1948-يىل 3-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، كولومبىيىنىڭ پايتەختى بوگۇتادا چاقىرىلغان 9- قېتىملىق پان ئامېرىكا يىغىنىدا، «پان ئامېرىكا ئىتتىپاقى» نى «ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى تەشكىلاتى» غا ئۆزگەرتىش قارار قىلىنغان ھەمدە «ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ماقۇللانغان. نىزامنامىدە بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋەزىپىسى: ئامېرىكا قىتئەسى قۇرۇقلۇقىنىڭ تىنچلىقى ۋە ئامانلىقىنى مۇستەھكەملەش،تاجاۋۇزچىلىققا تاقابىل تۇرىدىغان ئورتاق ھەرىكەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش، بىرلەشمە ھەرىكەت ئارقىلىق، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت، دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭ باش شتابى ۋاشىنگتوندا قۇرۇلغان. ھەر يىلى بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان چوڭ يىغىنى ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇپ، ئۇنىڭغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر قاتناشقان. دائىمىي مۇدىرىيىتى ئىجرائىيە ئورگىنى بولۇپ، باش ئەلچى دەرىجىلىك ۋەكىللەردىن تەركىب تاپقان. ئۇزاقتىن بۇيان ئامېرىكا بۇ تەشكىلاتتىن پايدىلىنىپ لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنى تىزگىنلەپ ھەم ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، بارغانسېرى نۇرغۇنلىغان لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. ئۇلار بۇ تەشكىلاتنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىشماقتا. 1976-يىلى 1-ئايدا، دائىمىي مۇدىرىيىتى قارار ماقۇللاپ، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش، مىللىي ئىقتىسادىي ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداش تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان «كوللېكتىپ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك» توغرىسىدىكى ماددىنى نىزامنامىگە كىرگۈزدى. 1981-يىلى 12-ئايدىكى 11-قېتىملىق چوڭ يىغىنى سالۋادور مەسىلىسىگە ئائىت قارارنى ماقۇللىدى. 1982-يىل 4-، 5-ئايلاردا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 20-قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مەسلىھەت يىغىنىنى چاقىرىپ، ئەنگلىيىنىڭ مالۋىناس تاقىم ئارىلىغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ۋە باشقىلار.

ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ياردەملىشىش شەرتنامىسى

  • ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ياردەملىشىش شەرتنامىسى[يەشمىسى:] «پان ئامېرىكا بىرلەشمە مۇداپىئە ئەھدىنامىسى»، «غەربىي يېرىم شار بىرلەشمە مۇداپىئە ئەھدىنامىسى» ياكى «رىئوژانېيرو ئەھدىنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر 1947-يىل 9-ئاينىڭ 2-كۈنى برازىلىيىنىڭ پايتەختى رىئوژانېيرودا ئىمزالىغان. ئاساسىي مەزمۇنى: پۈتكۈل غەربىي يېرىم شار مۇشۇ شەرتنامىدە كۆزدە تۇتۇلغان «بىرلەشمە مۇداپىئە» رايونى بولىدۇ؛ مۇشۇ رايوندىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتكە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇم پۈتۈن ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرىگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەتلەر «ئورتاق مۇداپىئە» ۋە «كوللېكتىپ قوغدىنىش» نى يولغا قويۇپ، ھەرقانداق ئامېرىكا قىتئەسى دۆلىتىگە قىلىنغان تاجاۋۇزدىن مۇداپىئە كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىدۇ؛ «تاجاۋۇزچىلار» غا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن، دىپلوماتىيە ئۆمىكىنىڭ باشلىقىنى چاقىرتىۋېلىش، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ۋە تېلېگراف خەۋىرىنى ئۈزۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا، ھەتتا «قوراللىق كۈچلەرنى ئىشقا سېلىش» قا بولىدۇ دېگەندىن ئىبارەت. شۇ چاغدا ئامېرىكا مۇشۇ شەرتنامىدىن پايدىلىنىپ، لاتىن ئامېرىكىسىنى ھەربىي جەھەتتىن يەنىمۇ تىزگىنلىگەن.

ئامېرىكا-كورىيە ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسى

  • ئامېرىكا-كورىيە ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسى[يەشمىسى:] 1953-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكا جەنۇبىي چاۋشيەن لى چىڭۋەن (لېسىنمان) گۇرۇھى بىلەن ۋاشىنگتوندا ئىمزالىغان. شەرتنامىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆزئارا ياردەم قىلىش ۋە ئۆزئارا ياردەم قىلىش ئۇسۇلى بىلەن، قوراللىق ھۇجۇمنى توسۇيدىغان مۇۋاپىق ئۇسۇلنى ساقلاپ قالىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ»، «ئورتاق خەۋپكە تاقابىل تۇرۇش يولىدا ھەرىكەت قوللىنىدۇ». ئۇ چاغدا، چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان. ئامېرىكا مۇشۇ شەرتنامىدىن پايدىلىنىپ جەنۇبىي چاۋشيەندە ئۇزاققىچە ئەسكەر تۇرغۇزۇپ، چاۋشيەننىڭ تىنچلىقى، بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلماقچىبولغان. بۇ شەرتنامىنىڭ 4-ماددىسىدا جەنۇبىي چاۋشيەن ئامېرىكىغا ئۆز زېمىنىدا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئامېرىكا قۇرۇقلۇق، ھاۋا، دېڭىز ئارمىيىسى قىسىملىرىنى تۇرغۇزۇش ھوقۇقىنى بېرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، (ئورتاق مۇداپىئە) نامى ئاستىدا، ئامېرىكا جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ ئۆزىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. بۇ شەرتنامە چەكسىز كۈچكە ئىگە بولغان.

ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى

  • ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى[يەشمىسى:] «شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى»دەپمۇئاتىلىدۇ.1775 — 1783-يىللىرىدىكى ئەنگلىيىگە قاراشلىق شىمالىي ئامېرىكىدىكى 13 مۇستەملىكە رايون خەلقىنىڭ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. يەتتە يىللىق ئۇرۇش (1756 — 1763) تىن كېيىن، ئەنگلىيە شىمالىي ئامېرىكىغا قارىتا ئىقتىسادىي جەھەتتە تالان-تاراج قىلىشى ۋە سىياسىي زۇلۇمنى كۈچەيتكەن. 1765-يىلى «ماركا بېجى قانۇن لايىھىسى» نى ئېلان قىلغان؛ 1767-يىلى «توۋشېند نىزامى» نى ئېلان قىلغان، 1773-يىلى «چاي بېجى قانۇنى» نى ئېلان قىلغان؛ 1774-يىلى يەنە «مەجبۇرلاش قانۇنى» نى ئېلان قىلغان، نەتىجىدە مۇستەملىكە رايونىدىكى خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى قوزغىلىپ، ھەتتا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. 1774-يىلى فىلادېلفىيىدە بىرىنچى نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى چاقىرىلىپ، ئەنگلىيە بىلەن «ئۈچ مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش» (بارلىق تاۋار ئىمپورت-ئېكسپورت ۋە ئىستېمال مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش) قارار قىلىنغان. 1775-يىل 4-ئاينىڭ 19-كۈنى بوستوندىكى لېكسېنگتون(Lexington) ۋە كونكورد (Concord) خەلقى ئاۋۋال ئەنگلىيە قوشۇنى بىلەن توقۇنۇشۇپ، ئەنگلىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. 5-ئاينىڭ 10-كۈنى فىلادېلفىيىدە ئىككىنچى نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى چاقىرىلىپ، «چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى» تەشكىللەش ۋە ۋاشىنگتوننى باش قوماندانلىققا تەيىنلەش قارار قىلىنغان. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەنگلىيە قوشۇنلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. 1776-يىل 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى «مۇستەقىللىك خىتابنامىسى» نى ماقۇللاپ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىغان. كېيىن، ئىنقىلابىي قوشۇن يېڭىباشتىن تەشكىل قىلىنىپ، ئۇرۇش ۋەزىيىتى ئۆزگەرگەن. 1777-يىلى ساراتوگا رايونىدىكى ئۇرۇشتا، ئەنگلىيە قوشۇنلىرى زور چىقىمغا ئۇچراپ، ئامېرىكا ھۇجۇم ۋەزىيىتىگە ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار دىپلوماتىيە جەھەتتە، ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئەنگلىيە بىلەن بولغان زىددىيىتىدىن تولۇق پايدىلانغان ۋە فرانسىيە، ئىسپانىيە، گوللاندىيىلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. ئارقىدىنلا روسىيە، پرۇسسىيە، شۋېتسىيە، دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قوراللىق بىتەرەپ ئىتتىپاقى تۈزۈپ، ئەنگلىيىنى يېتىم ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان. 1781-يىلى، ۋاشىنگتون چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، ئارقىمۇ ئارقا غەلىبە قىلغان. 10-ئايدا ۋېرگىنىيىنىڭ يورك بازىرىدا ئەنگلىيە قوشۇنلىرى تەسلىم بولۇپ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقان. 1783-يىلى 9-ئايدا ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا «پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، ئەنگلىيە ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان.

ئامېرىكا-مېكسىكا چېگرا جېڭى

  • ئامېرىكا-مېكسىكا چېگرا جېڭى[يەشمىسى:]ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىنىڭ مېكسىكىغا قىلغان قوراللىق تاجاۋۇزى. 1914-يىلىدىن كېيىن، مېكسىكىدىكى دېھقان پارتىزانلار ئەترىتى ۋە باشقا قوراللىق تەشكىلاتلار ئەنگلىيە-ئامېرىكا قورچاق ھاكىمىيىتىنىڭ مېكسىكىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، «يەر ۋە ئەركىنلىك» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شىمالىي چېگرىدىكى دېھقانلار يولباشچىسى ۋىللا قوشۇنىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىغا ۋە يېڭى مېكسىكا شتاتىغا ھۇجۇم قىلغان ھەمدە مېكسىكىدىن ئامېرىكىغا قايتىۋاتقان 18 نەپەر ئامېرىكىلىق ئىنژېنېرنى ئۆلتۈرگەن. ۋىلسون مۇشۇنى باھانە قىلىپ، 1916-يىلى 3-ئايدا پانسىننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەسكەر چىقىرىپ مېكسىكىغا تاجاۋۇز قىلغان ھەمدە 150 مىڭ خەلق ئەسكىرى چاقىرىپ، ئامېرىكا-مېكسىكا چېگرىسىدا تۇرغۇزغان. ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تاجاۋۇزى مېكسىكا خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى كۈرىشىنى ئۇلغايتقان. كېيىن ئامېرىكا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشماقچى بولۇپ، 1917-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ كەتكەن.

ئامېرىكا-مېكسىكا ئۇرۇشى

  • ئامېرىكا-مېكسىكا ئۇرۇشى[يەشمىسى:] 1846 — 1848-يىللىرىدىكى ئامېرىكىنىڭ مېكسىكىغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى. 1835-يىلى مېكسىكا ھۆكۈمىتى تېكساس چېگرىسى ئىچىدە قۇللۇق تۈزۈمىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇنىڭغا ئامېرىكا قۇلدارلىرى نارازى بولۇپ، توپىلاڭ قوزغاشنى پىلانلىغان.1836-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكىنىڭ يۆلەپ تۇرغۇزۇشى بىلەن «تېكساس جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغان. 1844-يىلى،پولك زۇڭتۇڭلۇقغا سايلانغاندىن كېيىن، ئىشغالىيەت رايونىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن باھانە تېپىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش قوزغىغان. 1847-يىلى 9-ئايدا، ئامېرىكا قوشۇنلىرى مېكسىكا شەھىرىنى بېسىۋالغان. 1848-يىلى 2-ئايدا، ئىككى تەرەپ «گۇئادا رۇپپىې ئىدارگۇ شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان ۋە تېكساس، يېڭى مېكسىكا، كالىفورنىيە قاتارلىق جايلارنى ئامېرىكىغا بۆلۈپ بېرىشنى بەلگىلىگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئامېرىكا 1 مىليون 900 مىڭ كۋادرات كىلومېتردىن ئوشۇق كېلىدىغان بۇ زېمىننى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان.

ئامېرىكائىچكىئۇرۇشى

  • ئامېرىكائىچكىئۇرۇشى[يەشمىسى:]يەنى: «جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى».

ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى

  • ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:]1898-يىلى ئامېرىكا كۇبانى تالىشىش يۈزىسىدىن ئىسپانىيە بىلەن قوزغىغان ئۇرۇش. 1895-يىلى كۇبادا ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ پارتلىغان. ئىسپانىيىنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇشى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى ئىقتىسادىي مەنپەئىتى تەسىرگە ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ كېڭەيمىچىلىك قارا نىيىتى قوزغالغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دەسلەپتە بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 1897-يىلى ئىسپانىيە نائىلاج كۇباغا بەزى ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بېرىشكە ماقۇل بولغان، قوزغىلاڭ تىنچلىنىشقا يۈزلەنگەن. 1898-يىلى 2-ئايدا، ئامېرىكا گېزىتلىرى ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى مېكىنلاينى ھاقارەتلىگەن خۇسۇسىي خەت-چەكلىرىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئىسپانىيىگە قارشى كەيپىياتنى قۇتراتقان.15-كۈنى ئامېرىكىنىڭ «ماين» ناملىق ھەربىي پاراخوتى ھاۋانادا تۇيۇقسىز پارتلاش بىلەن دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن («سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى»). شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ قارشىلىق كەيپىياتى بىردىنلا ئۆرلەپ كەتكەن. ئامېرىكا مەزكۇر ۋەقەنى باھانە قىلىپ، 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىسپانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 5-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ يىراق شەرقتىكى فىلوتى فىلىپپىننىڭ مانىلا قولتۇقىدا تۇرۇۋاتقان ئىسپانىيە ھەربىي پاراخوتلىرىنى ۋەيران قىلغان؛ ئارقىدىن يەنە يەرلىك مىللىي مۇستەقىللىك قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا مانىلانى بېسىۋالغان. ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، 6-ئايدا كۇبادا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، 7-ئايدا سانتىياگۇنى ئىشغال قىلغان؛ كەينىدىنلا ئىسپانىيىگە قاراشلىق پۇئېرتو-رىكونى بېسىۋالغان. ئىسپانىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، سۈلھ تەلەپ قىلغان. 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇرۇش توختاپ،12-ئايدا «پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى» ئىمزالانغان. ئىسپانىيە ئەسلىدىكى ئۆزىگە تەۋە مۇستەملىكىلىرىدىن پۇئېرتو-رىكو، گۇئام ئارىلى ۋە فىلىپپىننى ئامېرىكىغا بۆلۈپ بەرگەن. ئامېرىكا 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىش بەدىلىگە، فىلىپپىنغا ئىگە بولغان. ئىسپانىيە كۇبانىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە كۇبانىڭ قەرزلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، ئامېرىكا قوشۇنىنى چېكىندۈرمىگەن ھەمدە 1901-يىلى كۇبانى ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقىتىدىغان «پلات تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى» نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغان. كۇبا ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى ئامېرىكىنىڭ زومىگەر جاھانگىر دۆلەتكە ئايلىنىشىنى كۈچەيتكەن. لېنىن بۇ ئۇرۇشنى دۇنيانى يېڭىباشتىن بۆلۈشىدىغان بىرىنچى قېتىملىق جاھانگىرلىك ئۇرۇشى دەپ ئاتىغان.

ئامېرىكا يىراققا يۈرۈش قوشۇنى

  • ئامېرىكا يىراققا يۈرۈش قوشۇنى[يەشمىسى:]بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ ياۋروپاغا ئەۋەتكەن ئۇرۇش قىسىملىرى. 1917-يىلى 4-ئايدا، ئامېرىكا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، پېرشىنگنى ئامېرىكا يىراققا يۈرۈش قوشۇنىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىگەن. 1918-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا يىراققا يۈرۈش قوشۇنىنىڭ 43 دىۋىزىيىسىدىكى 2 مىليون ئادەم فرانسىيىدە قۇرۇقلۇققا چىققان. پېرشىنگ ئامېرىكا قوشۇنىنىڭ مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىدىغانلىقى، ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچرىماسلىقىدا چىڭ تۇرغان. ئەمەلىيەتتە يىراققا يۈرۈش قوشۇنى قاتناشقان 13 قېتىملىق مۇھىم جەڭدە پەقەت مۇس-ئارگۇن(Meuse Argonne) ۋە سان-مىگېل (Saint Mihiel) دا ئىككى قېتىملىق جەڭگە پېرشىنگ قوماندانلىق قىلغان.

ئامېرىكىدىكى قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ھەرىكىتى

  • ئامېرىكىدىكى قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ھەرىكىتى[يەشمىسى:] ئامېرىكا خەلقىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى. مۇستەملىكە دەۋرىدە ۋە مۇستەقىللىك ئۇرۇشى مەزگىلىدىلا، فرانكىلىن، جېففېرسون قاتارلىق كىشىلەر قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدىن كېيىن، دىنپەرەسلەر مۇخلىسلىرى قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىشنىڭ ئەڭ ئاكتىپ تەشەببۇسچىلىرىغا ئايلانغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، بۇ ھەرىكەت ئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ، ئاممىۋى ھەرىكەتكە ئايلانغان. قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئاتاقلىق كىشىلەردىن جامىس بىرىنىي (James Gillespe Birney، 1792 — 1857)، ۋېلد (Theodore Dwight Welt، 1803 — 1895) قاتارلىقلار بار. 1832-يىلى «يېڭى ئەنگلىيە قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى جەمئىيىتى» قۇرۇلغان. 1833-يىلى «ئامېرىكا قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى جەمئىيىتى»قۇرۇلغان. 1850-يىلىغا كەلگەندە، قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى جەمئىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى 150 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن. نەچچە مىڭ خىل كىتاب، گېزىت-ژۇرنال نەشىر قىلىنغان. تەشەببۇسكارلار يەنە جايلاردا نۇتۇق سۆزلەپ، قۇللۇق تۈزۈمنىڭ رەزىللىكلىرىنى پاش قىلغان. ھەرىكەت جەريانىدا، فېلىپىس (Phillips Wendell)، دوگلاس قاتارلىق قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى ھەرىكەتنىڭ داھىيلىرى مەيدانغا كەلگەن. بۇ بۇرژۇئازىيە خاراكتېرىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەت بولۇپ، نېگىرلارنىڭ ھۈرلۈكى ۋە ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان.

ئامېرىكىنىڭ جۇڭگولۇق ئىشچىلارنى چەتكە قېقىش پەرمانى

  • ئامېرىكىنىڭ جۇڭگولۇق ئىشچىلارنى چەتكە قېقىش پەرمانى[يەشمىسى:] ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگولۇق ئىشچىلار ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنى چەكلەيدىغان ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان بىر قاتار پەرمانلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئامېرىكا غەربىي قىسمىنى ئاچىدىغان چاغدا تەخمىنەن يۈزمىڭدىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ئىشچى كېلىپ، تۆمۈريول ياساش ۋە كان ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور رول ئوينىغان. 70-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، غەربىي قىسمىنى ئېچىش دەسلەپكى كۆلەمگە يەتكەندە، ھۆكۈمەت چەت ئەللىك كۆچمەنلەرنىڭ كېلىشىنى چەكلەشكە باشلىغان. 1880 — 1913-يىللىرى ئارىلىقىدا كۆچمەنلەر نىزامىدىن بىرنەچچە خىلى ئېلان قىلىنىپ، ئاسىيالىق كۆچمەنلەرگە (ئۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇق ئىشچىلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ) ئىرق ۋە مال-مۈلۈك جەھەتتىكى پەرق بويىچە مۇئامىلە قىلغان. بەك قاتتىق چەك قويغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ غەربىدە جۇڭگولۇقلارنى كەڭ كۆلەمدە چەتكە قېقىش ھەرىكىتى بىرنەچچە قېتىم يۈز بەرگەن.1924-يىلى ۋە 1930-يىلى كۆچمەنلەرگە ئائىت يېڭى بەلگىلىمىلەر داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگولۇق ئىشچىلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەنگەن. 1952-يىلى بۇ پەرمانلار بىرلەشتۈرۈلۈپ ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «مېكالىن-ۋالدو قانۇنى» بارلىققا كەلگەنىدى.

ئامېرىگو

  • ئامېرىگو[يەشمىسى:]Vespucci Amerigo، تەخمىنەن 1451 — 1512) ئىتالىيە دېڭىزچىسى. فلورېنسىيىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا مېدىچ جەمەتىگە ياللىنىپ، بانكا خىزمەتچىسى بولغان. تەخمىنەن مىلادى 1490-يىلى بانكا ۋەكالەتچىسى سۈپىتىدە، ئىسپانىيىنىڭ سېۋىلىيە دېگەن يېرىگە بارغان. 1499 —1504-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە ھۆكۈمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلەپ، ئارىلىقتا ئۈچ-تۆت قېتىم جەنۇبىي ئامېرىكىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، لورېنزو، دې مېدىچ قاتارلىق كىشىلەرگە يازغان بىرنەچچە پارچە خېتىدە كولومبونىڭ ئاسىيانى ئەمەس، بەلكى «يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇق» نى تاپقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. 1505 — 1510 -يىللىرى يۇقىرىدىكى خەتلىرى كىتاب قىلىنىپ، بىرنەچچە قېتىم قايتا نەشىر قىلىنىپ، كەڭ تارقالغان. كېيىن، كىشىلەر ئامېرىگو دېگەن ئىسىمنى قوللىنىپ، يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقنى ئامېرىكا قىتئەسى دەپ ئاتىغان.

ئامېنخوتېپⅣ

  • ئامېنخوتېپⅣ[يەشمىسى:]Amen hotepiv Ⅳ)يەنى ئەخناتون. قەدىمكى مىسىر 18-سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى (مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 1379 — 1362). تەختكە چىققان ۋاقتىدا ئامون ئىبادەتخانىسىنىڭ كۈچى كۈچىيىپ، روھانىي ئاقسۆڭەكلەر زورلۇق-زومبۇلۇق قىلغان. فىرئەۋىن بىر قىسىم ئوتتۇرا، كىچىك قۇلدارلار ۋە يېڭى ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرگە تايىنىپ دىن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، ئامون گۇرۇھى ۋە مىراسخور ئاقسۆڭەكلەرگە زەربە بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇنارخىيىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتمەكچى بولغان. دەسلەپتە قۇياش تەڭرىسى را (Ra) ئارقىلىق دېبېس (فىۋ) دىكى ئامون تەڭرىگە قارشى تۇرغان؛ دېبېستارا ئىبادەتخانىسىنى ياسىتىپ، ئامون روھانىيلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. كەينىدىنلا كەسكىن تەدبىر قوللانغان. يېڭى قۇياش تەڭرىسى ئاتون (Aton) ئەقىدىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاتونغا چوقۇنۇشنى مەجبۇرىي يولغا قويغان؛ ئامون ۋە باشقا تەڭرىلەرگە ئېتىقاد قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئامون ئىبادەتخانىسىنى تاقاپ، ئۇنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلغان؛ ئۆز ئىسمىدىكى «ئامېن» دېگەننى «ئاتون» غا ئۆزگەرتىپ، ئۆزىگە «ئەخناتون» دەپ يېڭى ئىسىم قويغان. بۇ «ئاتوندىن خەۋەر ئالغۇچى» دېگەن مەنىدە؛ باشقى-دىن ئاخېتاتون(Akhetaton)دېگەن يېڭى پايتەخت ياساتقان، بۇ، «ئاتون نۇر چېچىپ تۇرىدىغان جاي» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئورنى ھازىرقى تېل ئېل ئامارنا (Tel el Amarna) دا، يېڭى قۇياش تەڭرىسىنى مەدھىيىلەيدىغان «ئاتونغا مەدھىيە» نى تۈزدۈرگەن. بۇ تەدبىرلەر ئامون ئىبادەتخانىسىغا زور دەرىجىدە زەربە بەرگەن. ئامون گۇرۇھى ۋە مۇتەئەسسىپ كۈچلەر جېنىنىڭ بارىچە قارشى تۇرغان. فىرئەۋىننى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈشنى قەستلىگەن بولۇشى مۇمكىن (لېكىن ئەمەلگە ئاشمىغان). فىرئەۋىن ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسلاھاتى ئاخىرى بىكار قىلىنغان. 1887-يىلى ئامارنادىن ئاككاد مىخ يېزىقىدا يېزىلغان 400 پارچىدەك سېغىز تاختا خەت-ئالاقىلىرى تېپىلغان، بۇ يېزىقلار يېڭى پادىشاھلىق دەۋرىدىكى مىسىر بىلەن غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا قويۇق تاشقى مۇناسىۋەت بارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. «ئامارنا خەت-ئالاقىلىرى» گە قاراڭ.

ئامېنېمخېتⅢ

  • ئامېنېمخېتⅢ[يەشمىسى:]AmenemhetⅢ) قەدىمك-ى مىسىر 12-سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى (مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 1842 — 1797) ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، يەرلىك تەپرىقىچى كۈچلەرنى جېنىنىڭ بارىچە ئاجىزلىتىپ، ھوقۇق مەركەزگە يىغىلغان ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن. جەنۇبتا نوبىيىگە ۋە شىمالدا سىناي يېرىم ئارىلىغا داۋاملىق جازا يۈرۈشى قىلىپ، ئالتۇن كانى ۋە مىس كانىنى تارتىۋالغان؛ تەسىر كۈچى نىل دەرياسىنىڭ ئۈچىنچى شارقىراتمىسىغىچە يېتىپ بارغان. مېمفىس شەھىرى ئەتراپىدىكى فايۇم رايونىدا سۇ ئىنشائاتلىرىنى ياساتقان؛ مېيىندورف كۆلى (مېلىس كۆلى) سۇ ئامبىرىنى ياساتقان، ئېرىق-ئۆستەڭ، توغان ۋە توسما ياسىتىپ، ئۇنى نىل دەرياسى بىلەن تۇتاشتۇرغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 2500 گېكتار كېلىدىغان سازلىقنى مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇرغان. فىرئەۋىن پايتەختىنى يېقىن ئەتراپتىكى رايونغا كۆچۈرۈپ، تۈزۈلۈشى خېلى مۇرەككەپ بولغان ئىككى قەۋەتلىك ئوردا ياساتقان. قەدىمكى يۇنان تارىخشۇناسى ھىرودوت ئۇنى «سىرلىق ئوردا»دەپ ئاتىغان. «فايۇم»غا قاراڭ.

ئامىستېردام شەرتنامىسى

  • ئامىستېردام شەرتنامىسى[يەشمىسى:] روسىيە، فرانسىيە ۋە پرۇسسىيە بىر-بىرىنىڭ دومىنىئونىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 1717-يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدە ئىمزالىغان شەرتنامە. شىمال ئۇرۇشى بىلەن بولۇپ كەتكەن روسىيە ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ قوللىشىغا جىددىي موھتاج بولغاچقا، بۇ شەرتنامىنى ئىمزالاش جەريانىدا تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرغان. سۆھبەت دەسلەپتە 1717-يىل 4-ئايدا پارىژدا باشلانغان، بۇ سۆھبەتكە ئىمپېراتور پېتېرمۇ بىۋاسىتە قاتناشقان. بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن، روسىيە بىلەن پرۇسسىيە «ئوترېخت سۈلھ شەرتنامىسى» (1713) ۋە (راشتات شەرتنامىسى» (1714) نى ئېتىراپ قىلغان. فرانسىيە ئالدى بىلەن «روسىيە-شۋېتسىيە سۈلھ شەرتنامىسى» نىڭ شەرتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە 1718-يىلى قەرەلى توشىدىغان «فرانسىيە-شۋېتسىيە شەرتنامىسى» نىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى رەت قىلغان. شەرتنامىدە يەنە شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەردىن بىر تەرەپ ھۇجۇمغا ئۇچرىسا بىر-بىرىگە ياردەم بېرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شەرتنامە فرانسىيىنى شىمال ئۇرۇشى ئاياغلىشاي دېگەندە بىتەرەپ مەيداندا تۇرغۇزغان، بۇ روسىيە دىپلوماتىيىسىنىڭ غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئامېن ئاس-اسىي خارتىيىسى

  • ئامېن ئاس-اسىي خارتىيىسى[يەشمىسى:]فرانسىيە ئانارخو سىندىكالىزم پروگراممىسى.1906-يىلى 10-ئايدا فرانسىيە باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئامېن قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئاساسىي نىزامدا پرولېتارىيات پارتىيىسىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا بولغان رەھبەرلىكى ئاشكارا ئىنكار قىلىنىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى (ئىشچىلار ئۆمىكى) لا ئىشچىلار تەشكىلاتى ھېسابلىنىدۇ دەپ قارىلىپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى ئورنىتىش يولىدىكى كۈرىشىگە قارشى تۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ئىسلاھاتتا ئىشچىلارنىڭ پاراۋانلىقى (ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىش، ئىش ھەققىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلار)نى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، ئىقتىسادىي ئىش تاشلاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىلا، ئىشچىلارنىڭ «ئۈزۈل-كېسىل ئازادلىقىنى» ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان. يەنە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى كاپىتالغا قارشى تۇرىدىغان تەشكىلاتتىن ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەقسىمات تەشكىلاتىغا ھەمدە ئىجتىمائىي ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسىغا ئايلاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاساسىي نىزامدا ئانارخو سىندىكالىزمنىڭ پروگرامما ۋە تاكتىكىلىرى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

ئامېن شەرتنامىسى

  • ئامېن شەرتنامىسى[يەشمىسى:] 1802-يىلى فرانسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئەنگلىيە ئامېندا ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامە. 1801-يىل 2-ئايدا فرانسىيە بىلەن ئاۋسترىيە «لۇنېۋىل شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە، روسىيە ۋە ئاۋسترىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ، يېتىم قالغان. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە لوندوندا سۈلھ شەرتنامىنىڭ دەسلەپكى ماددىلىرىنى ئىمزالىغان. ئارقىدىنلا كورنۋاللىس (Lord Cornwallis) ئەنگلىي-ىگە، جوسېف بۇناپارت( Bonaparte Joseph) فرانسىيىگە ۋەكالىتەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، 1802-يىل 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئامېن (Amiens، فرانسىيىنىڭ شىمالى) دا رەسمىي سۈلھ شەرتنامە ئىمزالىغان. ئىسپانىيە بىلەن باتاۋىيە جۇمھۇرىيىتى (گوللاندىيە) مۇ شەرتنامىگە ئىمزا قويۇشقا قاتناشقان. سۈلھى شەرتنامىدە، ئەنگلىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىگىلىۋالغان بەزى مۇستەملىكىلەر (مارتىنىك ئارىلى، گۋادېلوپ ئارىلى، مېنوركا ئارىلى قاتارلىقلار) نى فرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە گوللاندىيىگە قايتۇرۇپ بېرىش، سەيلون ۋە ترىنىدانى ساقلاپ قېلىش؛ مالتا ئارىلىنى مالتا رىتسارلار پولكىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ھەمدە ئوتتۇرا ياۋروپا ۋە جەنۇبىي ياۋروپانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق؛ فرانسىيە نېئاپولدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ، مىسىرنى تۈركىيە ئىمپېرىيىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش، ئىئونىيە تاقىم ئاراللىرىنى روسىيە ۋە تۈركىيىنىڭ ھامىيلىقىغا بېرىش بەلگىلەنگەن. سۈلھ شەرتنامىدە فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيىنىڭ سودىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان.

ئانارخو سىندىكالىزم

  • ئانارخو سىندىكالىزم[يەشمىسى:] يەنى: «سىندىكالىزم».

ئانارخىزم

  • ئانارخىزم[يەشمىسى:] يەنى «ھۆكۈمەتسىزلىك».

ئاناستاسⅠ

  • ئاناستاسⅠ[يەشمىسى:]AnastasiusⅠ، تەخمىنەن 430 —518) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (491 —518). مىلادى 491- يىلى پەرمان ئېلان قىلىپ، كولونىستلار ئەگەر مەلۇم ئۈلۈشلۈك يەرنى 30 يىل ئىچىدە ئۇدا ئىجارىگە ئېلىپ تېرىسا، بۇ ئۈلۈشلۈك يەر تېرىغۇچىغا تەۋە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەپ، كولونىيە تۈزۈمىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دۆلەتنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، يەر بېجىنى يىغىشنى باجنى كۆتۈرە ئالغۇچىلارنىڭ ۋەكالىتەن بېجىرىشىگە تاپشۇرغان ھەمدە ماددىي نەرسە بىلەن تۆلىنىدىغان يەر ئىجارىسىنى پۇل بىلەن تۆلىنىدىغان يەر ئىجارىسىگە ئۆزگەرتكەن. دىنىي سىياسەت جەھەتتە بىر خاراكتېرچىلارنى قوللىغان. 512-ۋە 515-يىللىرى كونستانتىنوپول ۋە فراكىيىدىكى خەلق قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. شىمالدىكى «ۋارۋار» لارنىڭ تاجاۋۇزىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، كونستانتىنوپول مۇداپىئە ئىستىھكامىنى — مەرمەر دېڭىزىدىن قارا دېڭىزغىچە ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتر كېلىدىغان ئاناستاس سېپىلىنى ياساتقان.

ئاناستاسⅡ

  • ئاناستاسⅡ[يەشمىسى:]AnastasiusⅡ، ؟ — 721) ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى (713 — 716). مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ۋىزانتىيە پادىشاھىنىڭ ھوقۇقى ئاجىزلىشىپ، ھەربىيلەر باش كۆتۈرگەن، ئاناستاسⅡ تەختتە ئۈچ يىل ئولتۇرغان. دېڭىز ئارمىيە قوماندانى جوئان (Joannes) تەرىپىدىن تەختتىن چۈشۈرۈلگەن. كېيىن تەختنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۆزلىگەن، 721-يىلى پادىشاھ لىئوⅢ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

ئاناكپېتلۇن

  • ئاناكپېتلۇن[يەشمىسى:]Anaukpetlun، ؟ — 1628) بېرما تۇنگو سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى (1605 — 1628). لياڭيۇەن پادىشاھنىڭ ئوغلى. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە پروم، تۇنگو، پېگۇ قاتارلىق جايلاردىكى تەپرىقىچى كۈچلەرنى بويسۇندۇرغان. 1613-يىلى سۇرىيام (Suriam، ھازىرقى رانگۇننىڭ شەرقىي جەنۇبىي) نى ئىشغال قىلىپ، پورتۇگالىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق پونكىتلىرىنى يوقاتقان ھەمدە پورتۇگاللارنىڭ باشلىقى برىتو (Philip De Brito) نى ئۆلتۈرگەن. تېناسسېرىم ۋە ئاراكاندىن باشقا پۈتۈن بىرمىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ھەمدە پايتەختنى ئاۋادىن پېگۇغا كۆچۈرگەن. 1628-يىلى ئوغلى مىنرېدېپپا (Minredeippa) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

ئاناكرېئون

  • ئاناكرېئون[يەشمىسى:]Anakreon، مىلادىدىن تەخمىنەن 570—485 يىل ئىلگىرى) قەدىمكى يۇناننىڭ لىرىك شائىرى. كىچىك ئاسىيادىكى ئىئونىيىلىكلەرنىڭ شەھىرى تېئوس (Teos) تا تۇغۇلغان. مىلادىدىن 540 يىل ئىلگىرى، يۇرتىنى پېرسىيە ئارمىيىسى ئىگىلىۋالغاچقا، بىر مەزگىل فراكىيىدىكى ئابدېرا (Abdera) شەھىرىگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ساموس ئارىلى(Samos، ئېگېي دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي) نىڭ تىرانى پولىكرات (Polycrates) قا بېقىنىپ، شېئىر يېزىپ بۇتىراننى مەدھىيىلىگەن. پولىكرات ئۆلگەندىن (مىلادىدىن 522 يىل ئىلگىرى) كېيىن ئافېناغا بېرىپ، تىران ھىپاركۇ (Hipparchos)نىڭ مەرھىمىتىگە ئىگە بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 85 يېشىدا تېسسالىيىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئاساسەن ئوردا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقان بولۇپ، مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ كۈچلۈك ھاراق ۋە مۇھەببەت (قەدىمكى يۇنان لىرىك شېئىرلىرىنى مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئوقۇشقا بولاتتى) نى مەدھىيىلىگەن، ئۇرۇش ۋە سىياسىي ئىشلارغا قىزىقمىغان. ئۇ، قەدەھ كۆتۈرگەن خۇشال ۋاقىتلاردا بەس-مۇنازىرىلەرنى ئاڭلاشنى، قانلىق ئۇرۇش ۋە كۈرەش توغرىسىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلاشنى خالىمايمەن؛ كىمىكى زىياپەتتە مۇھەببەت تەڭرىسى، مۇھەببەت ۋە مۇسېس (شېئىرىيەت تەڭرىسى) نى مەدھىيىلىسە، مەن شۇنىڭ كۈلكىلىك پاراڭلىرىنى قىزىقىپ ئاڭلايمەن (ئاساسىي مەزمۇنى)، دېگەنىكەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئالېكساندرىيە دەۋرىدە ئالتە توملۇق توپلام قىلىنغان. كېيىن ئۇنىڭ پارچىلىرىلا ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا قېپقالغان بولۇپ، ئاساسەن ئىئونىيە شىۋىسىدا يېزىلغان، ئېئولىيە شىۋىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ يازغانلىرىمۇ بار. شېئىرلىرىنىڭ قاپىيە ۋە ۋەزىن قائىدىسى ئاددىي بولۇپ، يېقىملىق ۋە راۋان بولغان. كېيىن ياۋروپا ئەدەبىياتىدا ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا تەقلىد قىلىپ يېزىلغان لىرىكىلىق شېئىرلار ئادەتتە «ئاناكرېئون ئۇسلۇبى» دەپ ئاتالغان.

ئاناكساگورا

  • ئاناكساگورا[يەشمىسى:]Anaxagoras، مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 500 — 428) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. كىچىك ئاسىيادىكى كلازومېن(Clazomenae) دېگەن جايدا تۇغۇلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ ئائىلە مال-مۈلكىنى تۇغقانلىرىغا ئىنئام قىلىۋېتىپ، ئۆزىنى پەلسەپە تەتقىقاتىغا بېغىشلىغانىكەن. 20 ياشلار ئۆپچۆرىسىدە ئافېناغا كۆچۈپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسىنى بايان قىلغان؛ پېرىكل، ئېۋىرىپىد قاتارلىق مەشھۇر شەخسلەرنى دوست تۇتقان، پېرىكلنىڭ ھۈرمەتلەيدىغان ئۇستازى بولغان. شۇنداقلا ئۇ ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم، ئۇنىڭ «تەبىئەت توغرىسىدا» دېگەن نەسرىي ئەسىرىدىن ھازىرغىچە بەزى پارچىلارلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ساددا ماتېرىيالىستىك كۆز قارىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇ ئالەم دەسلەپتە بارلىق شەيئىلەر ئارىلىشىپ كەتكەن بىر ماددىي گەۋدە، جىسىملارنىڭ سانى چەكسىز كۆپ، ئۇنىڭ ھەجمى چەكسىز كىچىك بولغان، دەپ قارىغان. جىسىملارنىڭ كىچىك پارچىلىرىنى «ئۇرۇق» دەپ ئاتىغان. «ئۇرۇق» ھەرخىل ھالەت، رەڭ ۋە پۇراققا ئىگە بولىدۇ؛ «ئۇرۇق» كونكرېت كائىناتنى ھاسىل قىلىدۇ. مەلۇم بىر جىسىم بىلەن باشقا جىسىملار ئوتتۇرىسىدا پەرق بولىدۇ، ئۇنداق بولۇشى ئۇ جىسىمدا مەلۇم ئوخشاش سۈپەتتىكى «ئۇرۇق» ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكىدىن بولغان، دەپ قارىغان. دەسلەپكى ھەرىكەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، باشقا «ئۇرۇق» لار بىلەن مۇتلەق ئايرىلغان، ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر خىل نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى «نوس»(Nos «پاراسەت» ياكى «ئەقىل دۇنياسى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ) دەپ ئاتاپ، «نوس كائىنات ئىچىدىكى ئەڭ ئاز، ئەڭ پاك نەرسە» دېگەن. ئۇ ئېھتىمال تېخىمۇ ئۇششاق ماددىنى كۆرسەتسە كېرەك؛ ئارىستوتېل «نوس» نى ئاناكساگورانىڭ دۇنيانىڭ تۈزۈلۈشىدە ئىشلەتكەن بىر خىل ۋاسىتىسى ياكى ئۇنى ھەرىكەتتە ئەقىل-پاراسەت بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى قىلغان دېگەن («نوس» روھىي نەرسە دەيدىغانلارمۇ بار). ھەرىكەتنىڭ ئۆزگىرىشى جەھەتتە، ئۇ شەيئىلەر قوشۇلۇش ۋە پارچىلىنىش جەھەتتىن ئېيتقاندا پەيدا بولىدۇ ۋە يوقىلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، دەپ قارىغان. لېكىن يەنە شەيئىلەرنىڭ مۇتلەق ئۆزگىرىشى مۇمكىن ئەمەس (مەسىلەن، ئېلېئا ئېقىمى)، چۈنكى بارلىق شەيئىلەر باشتىن-ئاخىر بىردەك بولىدۇ، ئازايمايدۇ ھەم كۆپەيمەيدۇ، دېگەن. كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، ئاناكساگورانىڭ قارىشىچە ھېچقانداق نەرسە ھەقىقىي پەيدا بولمايدۇ ياكى يوقالمايدۇ. پەيدا بولۇش قوشۇلۇش دېگەنلىك، يوقىلىش پارچىلىنىش دېگەنلىكتىن ئىبارەت (ئېمپېدوكلنىڭ كۆزقارىشىغا ئوخشاش). شەيئىلەردە ئومۇميۈزلۈك باغلىنىش بولىدۇ، قارىمۇقارشى تەرەپ (سوغۇق بىلەن ئىسسىق، قۇرۇق بىلەن ھۆل قاتارلىقلار) پارچىلانمايدۇ دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. ئاناكساگورا ئافېنادا 30 يىل (مىلادىدىن ئىلگىرى 464 — 434) تۇرغان، پېرىكلنىڭ سىياسىي رەقىبلىرى تەرىپىدىن خۇداغا ئىشەنمىدى دەپ ئەرز قىلىنغان (چۈنكى ئۇ قۇياش قاتتىق ئىسسىقلىق چىقىرىدىغان تاش دېگەن، «خۇداسىزلىق» ئەينى زاماندا چوڭ جىنايەت ھېسابلىناتتى)، پېرىكلنىڭ ھەر جەھەتتىن قۇتقۇزۇشى ئارقىسىدا، بەش تالانتون جەرىمانە تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنىپ، ئافېنادىن قوغلاپ چىقىرىلغان. كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىي چېتىدىكى لامپساك (Lampsacuc، ھېللېسىپونت ئەتراپى)دا قېرىپ ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئاناكىسماندر

  • ئاناكىسماندر[يەشمىسى:]Anaximandros، مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 611 — 546) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. كىچىك ئاسىيادىكى ئىئونىيىنىڭ مىلېتوس (Miletus)شەھىرىدە تۇغۇلغان. تېلېسنىڭ شاگىرتى. ئۇ ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە ۋە جۇغراپىيىنىمۇ تەتقىق قىلغان. تەبىئەت توغرىسىدىكى ئەسەرلىرىدىن پارچىلارلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، يۇناننىڭ ئەڭ دەسلەپكى پەلسەپە ئەسىرى (ئەينى ۋاقىتتا پەلسەپە بىلەن پەن تېخى ئايرىلمىغانىدى) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئاسمان جىسىملىرى خەرىتىسى ۋە يەر شەكلى خەرىتىسىنى سىزغان بولۇپ،يەر-جاھان يۇمىلاق شەكىلدە دەپ قارىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ قۇياش تاجىنى يۇنانغا كىرگۈزگەنمىش. ئۇ تېلېسقا قارىغاندا ئۆزگىچە قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئالەمنىڭ ئاساسىي ئامىلى «چەكسىزلىك»؛ كائىنات «چەكسىزلىك» تىن پەيدا بولغان، ئۇ يەنە «چەكسىزلىك» كە قايتىدۇ. «چەكسىزلىك» بوشلۇققا تولغان، مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان شەكىلسىز ماددىدىن ئىبارەت. ئۇ سوغۇق، ئىسسىق، قۇرۇق، ھۆل خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. بۇ خۇسۇسىيەتلەرنىڭ قارىمۇ قارشىلىق ئىچىدە ئۆزگىرىشىدىن كائىنات پەيدا بولغان دەپ قارىغان. ئۇ جانلىقلار سۇ (ھۆل) دىن يەرگە (قۇرۇقلۇق) چىققان، شۇڭا ئىنسانلار بېلىقتىن كېلىپ چىققان، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. بۇ غەربنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ يۇناننىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى ئېقىمىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ساددا ماتېرىيالىستىك كۆزقارىشى شۇ چاغدا كەڭ تارقالغان دىنىي ئىلاھىيەتكە قىلىنغان بىر خىل ئىنكار ئىدى. 

ئاناكىسىمېن

  • ئاناكىسىمېن[يەشمىسى:]Anaximenes، مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 585 — 528) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. كىچىك ئاسىيادىكى ئىئونىيىنىڭ مىلې-توس (Miletus) شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئاناكىسماندرنىڭ شاگىرتى. ئۇ ئالەمنىڭ ئاساسىي ئامىلى گاز ياكى ھاۋا. گاز شالاڭلىشىش ۋە قويۇقلىشىش ئۆزگىرىشى ئارقىلىق كائىناتنى ھاسىل قىلىدۇ. گاز شالاڭلاشقاندا ئوتقا ئايلىنىدۇ، گاز قويۇقلاشقاندا تەرتىپ بويىچە شامال، بۇلۇت، سۇ، تۇپراق ۋە تاشقا ئايلىنىدۇ؛ بۇ ئامىللار يەنە باشقا كائىناتنى ھاسىل قىلىدۇ، دەپ قارىغان. روھنىمۇ بىر خىل گاز دەپ ھېسابلىغان. بۇنداق ساددا ماتېرىيالىستىك ئىدىيە شۇ چاغدا كەڭ تارقالغان دىنىي ئىلاھىيەتكە قىلىنغان ئىنكار ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن بەزى پارچىلارلا ساقلىنىپ قالغان.

ئاناندا

  • ئاناندا[يەشمىسى:]Ananda، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىر) «شاد-خۇراملىق»، «خۇشاللىق» دېگەن مەنىدە. بۇددا دىنىنىڭ ئىجادچىسى ساكيامونىنىڭ ئون چوڭ شاگىرتىنىڭ بىرى. درونودا نارادجا (Dronodana Radja) خاننىڭ ئوغلى، ساكيامونىنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى. 25 يېشىدا راھىب بولۇپ، بۇدساتۋا (ساكيامونى) نى 25 يىل كۈتۈپ، بارلىق بۇددا ئەقىدىسىنى ئىگىلىگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا شاگىرتلار ئىچىدە ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، بۇددا ئەقىدىلىرىنى كۆپ ئاڭلىغان. ساكيامونى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، راجارىخا شەھىرىدە تۇنجى قېتىم بۇددا ئەقىدىلىرىنى توپلام قىلىش مۇراسىمى ئېچىلغاندا، بۇددا ئەقىدىلىرىنى ئوقۇپ بەرگەن، كېيىن ئۇنى بۇددا تومى قىلىپ تۈزۈپ چىققان.

ئانائۇ مەدەنىيىتى

  • ئانائۇ مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]تۈركمەنىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى يېڭى تاش قورال ۋە برونزا دەۋر مەدەنىيىتى. دەسلەپ ئاشخاباد ئەتراپىدىكى ئانائۇ (Anay)دىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇ، غەربىي ئاسىيا بىلەن ئالاقىدار بولغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا تېپىلغان ئەڭ بۇرۇنقى يېزا ئىگىلىك مەدەنىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى تۆت دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ: بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەۋرى يېڭى تاش قورال دەۋرى بىلەن مىس-تاش قوراللار بىرلىكتە ئىشلىتىلگەن دەۋرى بولۇپ، ئالاھەزەل مىلادىدىن 3000 — 4000 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئارىلىقىدا بولۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى تاش قوراللارنى ئاساس قىلغان، ئاخىرقى دەۋرىدە تۇچ قوراللار ۋە رەڭلىك ساپال قاچىلار بارلىققا كېلىشكە باشلىغان، ماترىئارخاللىق جەمئىيىتىگە مەنسۇپ. ئۈچىنچى دەۋرى — برونزا قوراللار دەۋرىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئالاھەزەل مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئەتراپىدىكى ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ، تىپىك خارابە نامازگادىكى ئاھالە ئولتۇراقلاشقان خارابىلىق بولۇپ، ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا سۇغىرىلىدىغان دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنغان. مېتال ئېرىتىش بىلەن ساپال قاچا ياساش قول سانائىتى بۆلۈنۈپ چىققان، جەمئىيەت پاترىئارخال ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىگە قاراپ ئۆتۈۋاتقان دەۋرى؛ تۆتىنچى دەۋرى بولسا دەسلەپكى تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە مەنسۇپ.

ئاناۋراختا

  • ئاناۋراختا[يەشمىسى:]Anawrahta، 1002 — 1077) بىرما پاگان سۇلالىسىنىڭ ئاساسچىسى. تەختتە ئولتۇرغان چاغدا (1044 — 1077)، 1057-يىلى جەنۇبتىكى تاتون دۆلىتىنى يوقاتقان، كېيىن يەنە ئاراكان پادىشاھلىقىنىڭ شىمالىنى بويسۇندۇرۇپ، دەنزۇ قەبىلىلىرىنى ئىتائەت قىلدۇرۇپ، بىرمىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىرمىدا تۇنجى بىرلىككە كەلگەن فېئودال سۇلالىنى قۇرغان. دېھقانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سۇغىرىش قۇرۇلۇشلىرىنى ياساتقان. ھىنايانا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان بولۇپ، ئىبادەتخانا ۋە بۇددا مۇنارلىرىنى كۆپلەپ ياساتقان. 1059-يىلى مەشھۇر قۇتلۇق خان مۇنارىنى ياساتقان. ئۇنىڭ دەۋرىدە بىرما مىللىتىنىڭ ئۆز يېزىقى بىرما يېزىقى بارلىققا كەلگەن.

ئانبوۋاس سۇيىقەستى

  • ئانبوۋاس سۇيىقەستى[يەشمىسى:]«فرانسىسⅡ»گە قارالسۇن.

ئانتالكىداس سۈلھ شەرتنامىسى

  • ئانتالكىداس سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] يەنى «ئۇلۇغ پادىشاھ سۈلھ شەرتنامىسى».

ئانتانتا دۆلەتلەر

  • ئانتانتا دۆلەتلەر[يەشمىسى:] بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قارىمۇ قارشى بولغان يەنە بىر جاھانگىرلىك گۇرۇھى بولۇپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە روسىيىنىڭ 1904 — 1907-يىللىرى بىر قاتار كېلىشىملەرنى تۈزۈشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن. 1893-يىلى گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ۋە ئىتالىيە ئىتتىپاقى بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش ئۈچۈن، فرانسىيە بىلەن روسىيە ئالدى بىلەن ھەربىي كېلىشىم تۈزگەن. گېرمانىيىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتى ئالدىدا، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە مۇستەملىكىلەردىكى زىددىيىتىنى تەرتىپكە سېلىپ، 1904-يىل 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەنگلىيە-فرانسىيە كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان روسىيە ئۆزىنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇشئۈچۈن،1907-يىل 8- ئاينىڭ 31-كۈنى ئەنگلىيە بىلەن ئەنگلىيە-روسىيە كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. بۇنىڭ بىلەن ئانتانتا دۆلەتلەر (كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەتلەر) ئاخىرى شەكىللەنگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياپونىيە، ئىتالىيە، ئامېرىكا قاتارلىق 25 دۆلەت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئۇنىڭغا قاتناشقان. ئۆكتەبرئىنقىلابىدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. 1918-يىلى گېرمانىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ياپونىيە قاتارلىق جاھانگىرلار ئانتانتا دۆلەتلەر نامى بىلەن، سوۋېت روسىيىسىگە ئۈچ قېتىم قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزۈپ، مەغلۇپ بولغان. ئانتانتا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ كەتكەچكە بارا-بارا پارچىلىنىپ كەتكەن.

ئانتانتا دۆلەتلەرنىڭ ئۈچ قېتىملىق قوراللىق مۇداخىلىسى

  • ئانتانتا دۆلەتلەرنىڭ ئۈچ قېتىملىق قوراللىق مۇداخىلىسى[يەشمىسى:] «سوۋېت ئىچكى ئۇرۇشى» غا قاراڭ.

ئانتونوۋىچ

  • ئانتونوۋىچ[يەشمىسى:] Максим Алексеевич Антонович، 1835— 1918) روسىيە پەيلاسوپى، تەبىئىي پەن ئالىمى، ئەدەبىي تەنقىدچىسى،چېركاۋ خىزمەتچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1859-يىلى سانت-پېتربۇرگ تىئولوگىيە ئىنستىتۇتىنى تۈگەتكەن. بېلىنىسكى، گېرتسېن، چېرنىشېۋىسكىلار ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان، ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىن باشلاپ ماتېرىيالىست ۋە ئاتېئىزمچىغا ئايلانغان. 1862-يىلدىن باشلاپ «زامانىمىز كىشىلىرى» ژۇرنىلىغا ماقالە يېزىپ كەلگەن. ئىدېئالىستىك پەلسەپە (گېگېل، كانت ۋە روسىيىدىكى يۇشكېۋىچ، كاتېكوۋ) گە قارشى تۇرۇپ، ئىلغار تەبىئىي پەن ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان، رېئالىستىك ئەدەبىي سەنئەتنى قوغداپ، سەنئەت — رېئاللىقنىڭ نامايەندىسى، دەپ قارىغان، نوقۇل سەنئەت نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرۇپ، سەنئەت جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، «ئىككى خىل تىپتىكى ھازىرقى زامان پەيلاسوپلىرى»، «گېگېل پەلسەپىسى توغرىسىدا»، «ھازىرقى زامان فىزىئولوگىيىسى ۋە پەلسەپىسى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان، ئۇنىڭ «ماددىي دۇنيا بىلەن مەنىۋى دۇنيانىڭ بىرلىكى»، «دارۋىن ۋە ئۇنىڭ نەزەرىيىسى» ۋە «تەبىئەت كۈچىنىڭ بىرلىكى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ئانتونېسكو

  • ئانتونېسكو[يەشمىسى:]Ion Antonescu، 1882 —1946)رۇمىنىيە زۇڭلىسى (1940 — 1944). فاشىست ئىستېبدات. 1937 — 1938-يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلىدە، رۇمىنىيە 1940-يىلى 11-ئايدا گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە فاشىستلىرى ئىتتىپاقىغا قاتناشقان، ئىككىنچى يىلى 6-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1944-يىلى 8-ئايدا، خەلق قوزغىلىڭىدا تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئانتونېلى

  • ئانتونېلى[يەشمىسى:]Giacomo Antonelli، 1806 — 1876) ئىتالىيىلىك مىسسىئونېر. 1847-يىلى كاردىنال بولغان. 1848-يىلى پاپا دۆلىتىنىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ئىچكى كابىنېتىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى باش مىنىستىرى بولۇپ، ئىتالىيىنى بىرلەشتۈرۈش ھەرىكىتىگە ھەدەپ قارشى چىققان. 1849-يىلى رىم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا، پاپانىڭ نامىدا، كاتولىك دىنىي كۈچلىرىنىڭ دىنىي ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلغان. پاپا رىمدا تىرىلگەندىن كېيىن، ھەدەپ باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، 1853-يىلى ئىچىدىلا مىڭدىن كۆپرەك سىياسىي مەھبۇسنى تۈرمىگە تاشلىغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە مەلۇم ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئىتالىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە باشتىن-ئاياغ قارشى تۇرۇپ كەلگەن. 1850-يىلى گارىبالدى نېئاپولنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، چەت ئەل ياللانما قوشۇنىنى توپلاپ رىمنى مۇداپىئە قىلغان ھەمدە بوربون خان جەمەتىنىڭ رىمدا تىرىلدۈرۈش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويغان. كېيىن ئىتالىيە پادىشاھلىقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن دىنىي جەمئىيەت قانۇن لايىھىسىنى قوبۇل قىلىشقا رازى بولغاندا، پاپانىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1870-يىلى ئىتالىيە ئارمىيىسى رىمنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھوقۇقى زور دەرىجىدە زەئىپلىشىپ، پەقەت سىرت بىلەن ئالاقىلىشىش ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەنلا چەكلەنگەن.

ئانتونى

  • ئانتونى[يەشمىسى:]Marcus Antonius، مىلادىدىن ئىلگىرى 82 — 30) قەدىمكى رىم باش قوماندانى، سىياسىئونى. كائېسارنىڭ سەركەردىسى بولۇپ، كائېسارغا ئەگىشىپ گاللىيە يۈرۈشىگە قاتناشقان. مىلادىدىن 49 يىل ئىلگىرى تىرىبونى بولغان. مىلادىدىن 48 يىل ئىلگىرى فاسارو جېڭىدە كائېسارغا ياردەملىشىپ پومېئوسنى مەغلۇپ قىلغان. مىلادىدىن 44 يىل ئىلگىرى، كائېسار بىلەن بىرگە كونسۇل بولغان. مىلادىدىن 43 يىل ئىلگىرى، ئوكتاۋىيان (ئاۋگۇست)، لېپدلار بىلەن بىرلىشىپ كېيىنكى ئۈچلەر ئىتتىپاقىنى تۈزۈشكەن. كائېسارنى ئۆلتۈرگەن بىرۇت قاتارلىقلارنى مەغلۇپ (پېلىپ جېڭىدە) قىلغاندىن كېيىن، شەرقىي مەمۇرىي ئۆلكىلەرنى باشقۇرۇپ (مىلادىدىن 42 يىل ئىلگىرى) ئوكتا- ۋىيان (رىمدا) بىلەن تىركىشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. دەسلەپكى خوتۇنى ئوكتاۋىيە (Octovia، ئوكتاۋىياننىڭ ئاچىسى) نى تاشلاپ، مىسىرنىڭ ئايال پادىشاھى كېلىئوپاترا Ⅶ بىلەن تۇرمۇش قۇرغان (مىلادىدىن 37 يىل ئىلگىرى). ئۇ يەنە رىمنىڭ شەرقىدىكى بىر قىسىم زېمىنىنى ئايال پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا ھەدىيە قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا، ئوكتاۋىيان بىلەن سىناتنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، مىلادىدىن 32 يىل ئىلگىرى، رىم سىناتى ئۇنى «ۋەتەن دۈشمىنى» دەپ جاكارلىغان. مىلادىدىن 31 يىل ئىلگىرى 9-ئايدا، كېلىئوپاترا بىلەن بىرلىكتە دېڭىز فىلوتىنى باشلاپ ئاكسىئوم دېڭىز تۇمشۇقىدا (گرېتسىيىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقى) ئوكتاۋىيان بىلەن ئۇرۇشۇپ مەغلۇپ بولۇپ، مىسىرغا قېچىپ كەتكەن. ئاخىرى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئالېكساندرىيە (ئىسكەندەرىيە) دە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

ئانتونى خاندانلىقى

  • ئانتونى خاندانلىقى[يەشمىسى:]ئالدىنقى مەزگىلدىكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۈچىنچى خاندانلىقى (96 — 192-يىللار). رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ فىلاۋىي خاندانلىقىدىن كېيىن ئىمپېرىيىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈمرانلىق قىلغان خاندانلىق. خاندانلىقنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېردىكى ئەربابلىرى ئانتونى پىئۇ (Antoninus Pius)بىلەن مارك ئاۋرېلىيلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسمى ئانتونى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. خاندانلىق مەزگىلىدە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى داۋاملىق كۈچەيتكەن، قانۇنشۇناسلىق تەتقىقاتىنى تەشەببۇس قىلغان، قانۇنشۇناسلار ئىمپېراتورنىڭ ئىستىبداتلىق تۈزۈمىنى ئاقلاپ كەلگەن. رىتسارلار بىلەن مەمۇرىي ئۆلكىلەردىكى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنى ھەربىي مەمۇرىي ئورگانلارغا قويۇپ، بيۇروكراتلىق ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتىنى كېڭەيتكەن. سىرتقا قارىتا، دەسلەپ زور كۈچ بىلەن زېمىنىنى كېڭەيتىپ كەلگەن، تىراجان مەزگىلدىكى زېمىنى ئەڭ كەڭ دائىرىگە يەتكۈزۈلگەن، شەرقتە مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىن تارتىپ غەربىي برىتانىيىگىچە، جەنۇبتا شىمالىي ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمىغىچە، شىمالىي رېين ۋە دوناي دەرياسى ئەتراپىغا يېتىپ بارغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ھادىرىئان مەزگىلىدە چېگرىنى قوغداش سىياسىتىنى قوللىنىپ، پەلەستىندىكى يەھۇدىيلار قوزغىلىڭى (132 — 135-يىللىرى) نى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرغان. مارك ئاۋرېلى مەزگىلىگە كەلگەندە كۆپ يىللىق ئۇرۇش قىلىش بىلەن «ۋارۋار»لارنىڭ بېسىپ كىرىشىنى توسۇۋالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. خرىستىئانلارنى باستۇرۇش ۋە دىنىي مال -مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. ئىتالىيىنىڭ ئىگىلىكىدە تۇرغۇنلۇق ئالامەتلىرى بارلىققا كەلگەن. بىراق غەربىي قىسىمدىكى ھەرقايسى مەمۇرىي ئۆلكىلىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى رايونلىرىدا يېزا ئىگىلىك ۋە سودا-سانائەت ئىشلىرى راۋاجلىنىپ بارغان. ئىتالىيە بىلەن مەمۇرىي ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يوللار، سۇ تۇرۇبىلىرى ياسالغان ۋە باشقا ئەسلىھەلەر سېلىنغان بولۇپ ئۇلارنىڭ خارابىلىرى ھېلىمۇ ساقلانغان. ئانتونى خاندانلىقى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ روناق تاپقان دەۋرى، جۈملىدىن نىسپىي مۇقىم دەۋرى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن رىم قۇللۇق تۈزۈمى جەمئىيىتى كرىزىس باسقۇچىغا قەدەم قويغان. بۇ خاندانلىق دەۋرىدە جەمئىي يەتتە ئىمپېراتور ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولۇپ بۇلار: نېرۋا (96— 98-يىللىرى)، تىراجان (98 — 117-يىللىرى)،ھادرىئان (117 — 138-يىللىرى)، ئانتونى پىئۇ (138 — 161-يىللىرى)، مارك ئاۋرېلېي (161 —180-يىللىرى)، لۇسىيوس ئاۋرېلۇس ( Lucius Aurelius Verus،161 —169 — يىللىرى ئاۋرېلۇ بىلەن بىرگە باشقۇرغان)، كوممودۇس (180 — 192-يىللىرى) دىن ئىبارەت.

ئانتىپاتېر

  • ئانتىپاتېر[يەشمىسى:]Antipatros ياكى Antipater)،مىلادىدىن ئىلگىرى 397 — 319) ماكېدونىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئەتىۋارلىق ۋەزىرى. فىلىپ Ⅱ بىلەن ئالېكساندر (بۈيۈك ئىمپېراتور) نىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. مىلادىدىن 334 يىل ئىلگىرى، ئالېكساندر قوشۇن باشلاپ شەرققە يۈرۈش قىلغاندا «دۆلەت تەپتىشى» (نايىب) قىلىپ تەيىنلەنگەن. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فراكىيىلىكلەر بىلەن سپارتالىقلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرغان. ئولىمپىيە (ئالېكساندرنىڭ ئانىسى) بىلەن ئارازلىشىپ قېلىپ مىلادىدىن 324 يىل ئىلگىرى ئاسىياغا كەتكەن؛ ئۇنىڭ ئورنىغا كراتېرۇس (Craterus) چىققان. ئىككىنچى يىلى ئالېكساندر ئۆلگەندە، ئۇ يېڭىباشتىن ھوقۇق تۇتۇپ، كراتېرۇس بىلەن بىرلىشىپ، يۇنانلىقلارنىڭ مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنى باستۇرغان. دەسلەپ لامىيە ئۇرۇشىدا (مىلادىدىن ئىلگىرى 322 —323) ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، كېيىن كراننون جىلغىسىدا يۇنان بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. ئافىنا باشچىلىقىدىكى ماكېدونىيىگە قارشى ئىتتىپاق پارچىلانغان (دېموستېنىي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان). ئۇنىڭدىن كېيىن ئاسىياغا بېسىپ كىرىپ پېردىكاس (Perdiccas، ئالېكساندرنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردىسى) بىلەن ئۇرۇشقان، پېردىكاس مىسىردا ئۆلگەن. ئانتىپاتېر ئالېكساندرنىڭ ۋارىسلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ھوقۇقلۇق كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇ، ئۆلۈش ئالدىدا پوليىسپېكون (Polyspercdhon) نى «دۆلەت تەپتىشى» ۋارىسلىقىغا بەلگىلىگەن، ئانتىپاتېرنىڭ ئوغلى كاساندېر بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ جاڭجال چىقارغان.

ئانتسېنېس

  • ئانتسېنېس[يەشمىسى:]،Antist henes، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 435 — 370) ئانتېستېنېس دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى، كونىكچىلار ئېقىمىغا ئاساس سالغۇچى. ئافىنالىق. ئۇ، گورگىياس بىلەن سوكراتنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتقان. كېيىن ئافىنادىكى كىينو سارگېس (Cynosarges، «ئىت ئۇۋىسى» مەنىسىدە)ناملىق تەنتەربىيە مەيدانىدا مۇرىت توپلاپ دەرس ئۆتكەن، شۇ سەۋەبتىن بۇ ئېقىمدىكىلەر «كونىكچىلار» («ئىت ئۆلىمالىرى»مەنىسىدە) دەپ ئاتالغان. تېبەيلىك كرات ( Crates) ۋە سىنوپللىق دېئوگېن قاتارلىقلار ئۇنىڭغا شاگىرت بولغان. ئۇنىڭ ساقلىنىپ قالغان ئىككى ئەسىرى بار: بۇنىڭ بىرى «ئاگىكسىس بىلەن يۇلىكسىس» بولۇپ راست-يالغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس، يەنى بىرى «ناتۇرالىست» بولۇپ بۇنىڭدىن پەقەت پارچىلار ساقلىنىپ قالغان. ئەپلاتوننىڭ ئۇقۇم نەزەرىيىسىگە قارىتا قارشى تۇرۇش نۇقتىئىنەزەرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمەن ئۇقۇم ياكى چۈشەنچە مەۋجۇت ئەمەس، مەۋجۇت بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، پەقەت كونكرېت ھېس قىلغىلى بولىدىغان شەيئىلەرنىڭ ئۆزىلا ھەقىقىي مەۋجۇتتۇر، دەپ ھېسابلىغان. ئۇ: بىز پەقەت بۇ ياكى ئۇ ئاتنى كۆرەلەيمىز، ھېچكىممۇ ئومۇمىي ئاتنى كۆرەلمەيدۇ، كۆرۈشىمۇ مۇمكىن ئەمەس دېگەن. ھەرقانداق لەززەتلىنىشتىن ۋاز كېچىپ: «سەۋدايى بولۇشقا رازىمەنكى، شاد-خۇراملىقنى خالىمايمەن» دېگەن، «تەبىئىي ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش»، پەيلاسوپلار دۇنيادىكى شەيئىلەرگە نىسبەتەن قولىنى قوشتۇرۇپ چەتتە قاراپ تۇرۇش، پىسەنت قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان. بارچە سۈنئىي نەرسىلەر (مەسىلەن: مەدەنىي تۇرمۇش) نىڭ ھەممىسى غەيرىي تەبىئىيلىك، ھۆكۈمەت، خۇسۇسىي مۈلۈك، نىكاھ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھاجەتسىز، دىننىمۇ مۇقىم شەكىلگە كىرگۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ھېسابلىغان. تاشقى شارائىتقا تايانماي ئۆز ئالدىغا تۇرمۇش كەچۈرۈشنى، ئۆز نەپسىنى يىغىپ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى يۈكسەك گۈزەل ئەخلاق دەپ قارىغان. ئۇنىڭ بۇ خىل قەيسەر تەركىدۇنيا ئىدىيىسىنى دېئۇگېن ئىشقا ئاشۇرغان ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرغان.

ئانتىگونI

  • ئانتىگونI[يەشمىسى:]، Antigonus I، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 382 — 301) يەنى «يەكچەشمە» ئانتىگون. ئالېكساندر (بۈيۈك ئىمپېراتور) نىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردىسى. مىلادىدىن 323 يىل ئىلگىرى، ئالېكساندر ئۆلگەندىن كېيىن، كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىدىكى فرىگىيە (Phrygia)، پامفىلىيە (Pamphylia) ۋە لىكىيە (Lycia) قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىۋېلىپ، پادىشاھلىق تەختىنى تالىشىش كۈرىشىگە پائال قاتناشقان. مىلادىدىن 306 يىل ئىلگىرى، ئېئۇمېنېس (Eumenes) نى مەغلۇپ قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرگەن؛ بابىلون رايونىنىڭ ھۆكۈمرانى سېلېۋك ئۇنىڭدىن قورقۇپ مىسىرغا قاچقان. ئۇنىڭ تەسىر كۈچى كۈنسېرى كۈچەيگەن. مىلادىدىن 306 يىل ئىلگىرى، پىتولېمېي فلوتىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ ئوغلى دېمېتىرى جەنۇبىي گرېتسىيىنىڭ كورنىتوس قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلىرىنى بېسىۋېلىپ، فىلىپ Ⅱ دەۋرىدە تەشكىل قىلىنغان بۇرۇنقى «كورىنتوس ئىتتىپاقى» نى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كاساندېرنىڭ بالقاندىكى ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت سالغان. ئۇنىڭ قارا نىيىتى سېلېۋك، پىتولېمېي، كاساندېر ۋە لېسماكىسنىڭ بىرلىشىپ قارشى چىقىشىغا سەۋەب بولغان. مىلادىدىن 301 يىل ئىلگىرى، ئىپىس جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ ئۆلگەن؛ بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان دېمىتېرىي گرېتسىيىگە قاچقان، ئوغلى ئانتىگون گونات ماكېدونىيىدە ئانتىگون خاندانلىقىنى قۇرغان.

ئانتىگون خاندانلىقى

  • ئانتىگون خاندانلىقى[يەشمىسى:]يۇنانلىشىش دەۋرىدىكى ماكېدونىيە خاندانلىقى. مىلادىدىن 276 يىل ئىلگىرى، ئانتىگون Ⅰ نىڭ نەۋرىسى ئانتىگون گونات (Antigonus Gonatas، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 319 — 239) تەرىپىدىن قۇرۇلغان، ئۇنى ۋارىسلىرى گرېتسىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، پىتولېمېي، سېلېۋك دۆلەتلىرى بىلەن ئوتتۇرا دېڭىز شەرقىي قىسمىنىڭ زوراۋانلىق ھوقۇقىنى ئۇزاققىچە تالىشىپ كەلگەن. ئۈچ قېتىملىق ماكېدونىيە ئۇرۇشى ئارقىلىق مىلادىدىن 168 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيىنى ئىستېلا قىلغاندا، خاندانلىق گۇمران بولغان. 

ئانتىگونې

  • ئانتىگونې[يەشمىسى:]Antigone)قەدىمكى يۇنان تراگېدىيە ئەسىرى. سوفوكلېس (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىر) يازغان. ئۇنىڭ سۇژىتى يۇنان ئەپسانىلىرىدىن ئېلىنغان. ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق: تېبەي پادىشاھى ئودىپۇس ئۆلگەندىن كېيىن، ئىككى ئوغلى - ئېتېئوكلېس بىلەن پولىنكېس پادىشاھلىق تەختىنى تالىشىپ ئاكا-ئىنى ئىككىسى سوقۇشۇپ ئۆلىدۇ، ئۇلارنىڭ تاغىسى كرىئون پادىشاھلىق تەختىگە چىقىدۇ، ئېتېئوكلېسقا ئاتاپ دەبدەبىلىك دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ پولىنكېسنى دەپنە قىلىشىغا يول قويماي ئۇنىڭ جەسىتىنى دالىغا ئېلىپ چىقىپ تاشلىۋېتىدۇ، ئېيتىلىشىچە ئۇ، يات قوشنىلىرىدىن ياردەم تىلەپ، ئانا ۋەتىنىگە ھۇجۇم قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانمىش. مەرھۇمنىڭ سىڭلىسى ئانتىگونې (ئودىپوسنىڭ قىزى) يېڭى پادىشاھنىڭ چەكلەش پەرمانىغا پەرۋا قىلماي، پولىنكېسنى دەپنە قىلىدۇ. كرىئون بۇ ئىشتىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى گۆرگە قامىتىپ، ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. كرىئوننىڭ ئوغلى ھايمون (ئانتىگونېنىڭ يىگىتى) دادىسىغا: ئۇنچە بىشەملىك قىلىپ ئانتىگونېنى ئۆلتۈرمەسلىك، ئۆزىنىلا ئەقىللىق دەپ سانىماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ، «بىر كىشىگىلا تەۋە شەھەر دۆلەت، شەھەر دۆلەت بولمايدۇ» دەيدۇ. بىراق بۇنىڭدىن ھېچبىر نەتىجە چىقمايدۇ. ھايمون گۆر ئاغزىغا يېتىپ كېلىپ، ئانتىگونېنى قۇتقۇزماقچى بولىدۇ، بۇ چاغدا ئانتىگونې ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان بولۇپ ھايمونمۇ ئۆزىگە خەنجەر ئۇرۇپ ئۆلۈۋالىدۇ، ھايموننىڭ ئانىسىمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. 

ئانتىفېدېراتىپ پارتىيە

  • ئانتىفېدېراتىپ پارتىيە[يەشمىسى:]ئامېرىكىدىكى بۇرژۇئا دېموكراتچىلىرى، شەھەر ئەمگەكچىلىرى، ئۇششاق بۇرژۇئازلار ۋە دېھقانلار ئىتتىپاقىدىن تەشكىل قىلىنغان سىياسىي گۇرۇھ. 1787-يىلى قۇرۇلغان. بۇلار ھامىلتون باشچىلىقىدىكى فېدېراتىپ پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە تاشقى سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئاساسلىق رەھبەرلىرى جېففېرسون، مادىسون، موروئې قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 1792-يىلى جېففېرسون مەزكۇر پارتىيىنى دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە ئۆزگەرتكەن. ئۇلار سىياسىي جەھەتتە بۇرژۇئا دېموكراتىك ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشقا ئۇرۇنغان؛ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەنگلىيە بىلەن بولغان زىچ ئالاقە ۋە ئەنگلىيىگە پايدىلىق بولغان ئەركىن سودىغا قارشى تۇرغان، يېزا ئىگىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، غەربىي رايونلارغا ئاھالە يۆتكەپ، يېڭى ئەركىن شتات قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن، قۇللۇق تۈزۈمنى تۈپتىن يوقىتىشنى تەلەپ قىلغان. تاشقى سىياسەت جەھەتتە ئەنگلىيىدىن يىراقلىشىپ، فرانسىيە ئىنقىلابىغا ھېسداشلىق قىلغان. 1828-يىلى ھازىرقى دېموكراتلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. 

ئانتىفون

  • ئانتىفون[يەشمىسى:]Antiphon، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 114 - 084) قەدىمكى ئافىنا ستىلىستىكا ئالىمى. دانىشمەن سوپىلۇ (Sophilus) نىڭ ئوغلى، ئاقسۆڭەك ئولىگارخچىلار تەرەپدارى. ئافىنادا مەكتەپ ئېچىپ ستىلىستىكىدىن دەرس ئۆتكەن، ئېيتىلىشىچە فۇكىدىد (تارىخچى) ئۇنىڭ قولىدا ئوقۇغانىكەن، پېلوپوننېس ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مىلادىدىن 411 يىل ئىلگىرى فېرامېن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ئولىگارخلار (400 كىشىدىن تەركىب تاپقان كېڭەشمىنى يادرو قىلغان) ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتقان؛ بۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاران تۆت ئايلا مەۋجۇت بولۇپ، ئاغدۇرۇپ تاشلانغان، ئانتىفونمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئۇ قەدىمكى يۇناندىكى مەشھۇر ناتىقلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھازىرغىچە ئون پارچىدىن كۆپرەكى ساقلىنىپ قالغان.

ئانتىيوك

  • ئانتىيوك[يەشمىسى:]Ⅰ) سېلېۋك پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى. تارىخنامىلەردە دائىم تىلغا ئېلىنغانلىرى: (1) ئانتىيوك Ⅰ (Antiochus I، مىلادىدىن ئىلگىرى 261- 323) سېلېۋك Ⅰ نىڭ ئوغلى. مىلادىدىن 293 يىل ئىلگىرى «خان»لىق مەرتىۋىسى بېرىلىپ، ئاتىسى بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن. ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن تەختكە چىققان. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 162 - 082) كېلىتلار (گاللار) ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىن كىچىك ئاسىياغا ئۇشتۇمتۇت بېسىپ كىرىپ، قاتتىق ۋەيرانچىلىق ۋە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان؛ ئۇ، يەرلىك مىللەتلەر بىلەن بىرلىشىپ كاپپادوكىيە جېڭىدە (مىلادىدىن 277 يىل ئىلگىرى) ئۇلارنى تارمار قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن «نىجاتكار» (Soter) دەپ نام ئالغان. مىسىردىكى پىتولېمېي خاندانلىقى بىلەن داۋاملىق زېمىن تالىشىپ كەلگەن. بىراق كىچىك ئاسىيادىكى پېرگام ئاخىرى سېلېۋكى- يىدىن ئايرىلىپ (تەخمىنەن مىلادىدىن 262 يىل ئىلگىرى) مۇستەقىل بولغان.(2)ئانتىيوكⅢ (Antiochus Ⅲ، مىلادىدىن بۇرۇن 781-242)، سېلېۋك كاللىنىكۇ (Seleucus Callinicus) نىڭ ئىككىنچى ئوغلى. ئاكىسى سېلېۋك كې-رائونۇ(Seleucus Geraunus)ئۆلگەندىن كېيىن پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 187 — 223) مىدىيە ۋە پېرسىيىنىڭ يەرلىك بۆلگۈنچىلىكىنى تىنچىتقاندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھى پىتولېمېي فىلوپاتور (Philopator Ptolemy) بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، سۈرىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، فىنكىيە ۋە پەلەستىن ئەتراپىدىكى زېمىنىنى ساقلاپ قالغان؛ مىلادىدىن 217 يىل ئىلگىرى رافىيە (Raphia، پەلەستىندە) جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ، يۇقىرىدىكى رايونلاردىن ئايرىلىپ قالغان. كىچىك ئاسىيانىڭ ئەمەلدارى ئاكېيۇ (Achaeus) ئىسيان كۆتۈرگەندە، ئۇنى باستۇرغان (مىلادىدىن 214 يىل ئىلگىرى). شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە يىل داۋامىدا ئىران ئېگىزلىكىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئارساك بىلەن باكتىرىيىنىڭ مۇستەقىللىك ۋەزىيىتى مۇقىملىشىپ قالغانلىقتىن، ئاخىرى سۈلھ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. مىلادىدىن 196 يىل ئىلگىرى ياۋروپاغا باستۇرۇپ بېرىپ، شەرققە قاراپ ئىلگىرىلەپ كېلىۋاتقان رىم بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. كارفاگېننىڭ مەشھۇر سەردارى گاننىبال (مىلادىدىن 195 يىل ئىلگىرى ئانتىيۇك Ⅲ نىڭ ئوردىسىغا بارغان) ئۇنىڭغا ئەقىل كۆرسىتىپ، ئىتالىيىگە ھۇجۇم قىلىشقا دەۋەت قىلغاندا، ئۇنى قوبۇل قىلمىغان. مىلادىدىن 192 يىل ئىلگىرى، ئىتورىيە ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپى بويىچە گرېتسىيىگە كىرگەن. ئىككىنچى يىلى، دېموبېلدا رىم قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئاسىياغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. مىلادىدىن 190 يىل ئىلگىرى، ماگېنسىيە (Magnesia، كىچىك ئاسىيادا) جېڭىدە رىم باش قوماندانى چوڭ سىپئو تەرىپىدىن تەلتۆكۈس مەغلۇپ قىلىنىپ، كىچىك ئاسىيا ۋە فراكىيىدىكى زېمىنىدىن ۋاز كېچىپ، 15 مىڭ ئېئوبىيە تارانتوم تۆلەم پۇل (12 يىل ئىچىدە تۆلەپ بولۇش) بېرىش، ئون ھەربىي كېمىسىنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا ھەممە كېمىلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشتىن ئىبارەت ئېغىر شەرتلەرنى قوبۇل قىلىپ، سۈلھ شەرتنامە تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان (مىلادىدىن 188 يىل ئىلگىرى). بۇ چاغدا سېلېۋك پادىشاھلىقى ئۆزىنىڭ مۇھىم ئورنىدىن مەھرۇم بولغان. ئانتىيوك Ⅲ («ئۇلۇغ پادىشاھ» دەپمۇ ئاتالغان) ئىران رايونىدىكى ئىبادەتخانىلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغىنىدا، غەزەپلەنگەن يەرلىك ئاھالىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى سېلېۋك فىلوپاتور (Seleucusphilopator) ۋارىسلىق قىلغان. (3) ئانتىئ-وكىيە(Antiochia). سېلېۋكىيە پادىشاھلىقى (مىلادىدىن ئىلگىرى 64 — 312) نىڭ پايتەختى. ئورۇنت دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىغا (ھازىرقى تۈركىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئانتاكىيە - Antakia شەھىرى) جايلاشقان. تەخمىنەن مىلادىدىن 300 يىل ئىلگىرى، سېلېۋكىيە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سېلېۋك Ⅰ تەرىپىدىن قۇرۇلغان. بۇ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى سېلېۋكىيە پرىستانى ئەينى زاماندا ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى سودا شەھىرى ۋە قاتناش تۈگۈنى بولغان. مىلادىدىن 64 يىل ئىلگىرىكى يىلدىن تارتىپ رىمغا تەۋە بولۇپ كەلگەن. Ⅶ ئەسىردە ئەرەبلەر ئىشغال قىلىۋالغان. بىرىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپ قوشۇنى شەرققە تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلىدە، بۇ يەردە ئانتىئوكىيە كىنەزلىكىنى قۇرغان (1098-يىلى). ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوسمان ئىمپېرىيىسى زېمىنىغا قوشۇۋېلىنغان.

ئانجۇ

  • ئانجۇ[يەشمىسى:]Anjou) فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى قەدىمىي رايون نامى. قەدىمكى گاللىيە قەبىلىسى ئاندېكاۋى (Andecavi) نىڭ نامىدىن ئېلىنغان. مىلادى Ⅸ ئەسىردە بەگلىك شەكىللەنگەن. 1044-يىلى ۋە 1110-يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تورېن ۋە مېن (Men) بىلەن بىرلەشكەن. 1154-يىلى ئانجو گرافى ھېنرېي ئەنگلىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئۆزىنى ھېنرىي Ⅱ دەپ ئاتىغان، ئانجۇ شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە پادىشاھ جەمەتىنىڭ زېمىنىغا ئايلانغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرى فرانسىيە كورۇلى بۇ يەرنى قايتۇرۇۋالغان. 1360-يىلى يەنە كىنەزلىككە ئايلانغان. 1480-يىلى فرانسىيە كورۇللۇقىنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋېلىنغان. 

ئانجۇ خاندانلىقى

  • ئانجۇ خاندانلىقى[يەشمىسى:]ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپادىكى فېئودال خاندانلىق بولۇپ، فرانسى-يىدىكى گراف ئانجۇ (Anjou) جەمەتىدىن كەلگەن. بۇلار: (1) ئەنگلىيىدىكى ئانجۇ خاندانلىقى (1154 — 1399) يەنى پىلانتاگېنېت خاندانلىقى. (2) جەنۇبىي ئىتالىيىنىڭ نېئاپول ۋە سىتسىلىيىدىكى ئانجۇ خاندانلىقى(1268 — 1442؛ 1268-1282). 1268-يىلى فرانسىيە كورۇلى لۇئى Ⅷ نىڭ ئوغلى، گراف ئانجۇ چارلېس سىتسىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ تەختىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان. 1282-يىلى 8-ئايدا، سىتسىلىيىنىڭ پايتەختى پالېرمودا فرانسىيە فېئوداللىرىغا قارشى قوزغىلاڭ («سىتسىلىيە كەچلىك ئىبادەت قوزغىلىڭى» غا قارالسۇن) پارتلاپ، سىتسىلىيە ئەمەلىيەتتە ئانجۇ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغان. 1302-يىلى سىتسىلىيە رەسمىي ئاراگون خاندانلىقىغا تەۋە بولغان. 1442-يىلى ئانجۇ خاندانلىقىنىڭ نېئاپولدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىمۇ ئاراگون خاندانلىقى ئىگىلىگەن. (3) ۋېنگرىيىدىكى ئانجۇ خاندانلىقى (7831 - 8031). ئانجۇ جەمەتىدىن بولغان چارلېس روبېرت (CharIes Robert، 2431 - 8821 ) تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. 

ئاند جېلكوۋىچ

  • ئاند جېلكوۋىچ[يەشمىسى:]Koca Andjilkovic، 8871-5571). تۈركىيىگە قارشى سېربىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى. ئەسلى ئاۋسترىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1788-يىلى ئاۋسترىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، سېربىيە پىدائىيلار ئارمىيىسىگە قاتناشقان. ئىككى نۆۋەت ئاۋسترىيە ئارمىيىسى بىلەن بېلگرادقا يۈرۈش قىلغان. ئاۋسترىيە ئارمىيىسىدە كاپىتان ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. پىدائىيلار ئارمىيىسىنى باشلاپ سېربىيە، باناتتا ئۇرۇش قىلغان، كېيىن تۈركىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلگەن. 

ئاندخارا

  • ئاندخارا[يەشمىسى:]Andhara) جەنۇبىي ھىندىستاندىكى قەدىمكى دۆلەت نامى. ئاندخارا قەبىلىسى «ئىتارا ھەزرىتى براخمانا» ناملىق كىتابتا غەيرىي ئارىئانلار دەپ ھېسابلانغان، ئۇلار ئېھتىمال ئەڭ دەسلەپ ۋىندىيا تاغلىق رايونى بىلەن دېگان ئېگىزلىكىنىڭ شىمالىغا تارقىلىپ، كېيىن پەيدىنپەي جەنۇبقا قاراپ سۈرۈلۈپ، گوداۋارى دەرياسى بىلەن كىرىشىنا دەرياسى ئارىلىقىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولسا كېرەك. مائورىيە (ماگارخا) ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى ئاسوكا دەۋرىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىر)، ئاندخارا مائورىيە ئىمپېرىيىسى زېمىنىغا قوشۇۋېلىنغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅰ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ساتاۋاخانا (Satavahana) خاندانلىقىنى قۇرغۇچى سىمۇكا (Simuka، ئاندخارا قەبىلىسىدىن) ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە، ماگادخادىكى كانۋا خاندانلىقىنى يوقىتىپ، بىر مەھەل روناق تاپقان. مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىمالدىكى ساكلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىدىن مۇداپىئەلەنگەن ھەمدە كۇشان ئىمپېرىيىسى بىلەن قارشىلاشقان. ساتاۋاخانا خاندانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈچلۈك پادىشاھى ياجناسا تاكارنى (Yajna Satakarni) ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتتا (302 - 471) دېگان ئېگىزلىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. ساتاكارنى ئۆلۈپ ئۇزاق ئۆتمەي ئاندخارا ئاجىزلاپ، نۇرغۇنلىغان ئۇششاق بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 

ئاندروپوۋ

  • ئاندروپوۋ [يەشمىسى:]Юрий Владимирович Андропов، 1914 — 1984). سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت سېكرىتارىياتىنىڭ باش سېكرىتارى (1983 — 1984)، ئالىي سوۋېت پىرىزدىئومىنىڭ رەئىسى (1983 - 1984). ستاۋروپۇل چېگرا رايونى ناگوتىسكتىكى بىر تۆمۈريول خىزمەتچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياشلىق ۋاقىتتا رادىست ۋە ماتروس بولغان. 1936-يىلى رىيبنىسىك سۇ ترانسپورت تېخنىكۇمىنى تۈگەتكەن. 1937-يىلى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ياروسلاۋل ئوبلاستلىق كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى، ئىككىنچى يىلى بىرىنچى سېكرىتارى بولغان. 1939-يىلى كومپارتىيىگە قاتناشقان. 1944-يىلدىن باشلاپ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كارېلىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى بولغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە كارېلىيىدىكى پارتىزانلىق پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1944-يىلدىن باشلاپ پېتروزاۋودىسىك شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ ئىككىنچى سېكرىتارى بولغان. 1947-يىلدىن باشلاپ كارېلىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىككىنچى سېكرىتارى بولغان. 1951-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي ئورگىنىغا يۆتكىلىپ تەپتىش ۋە باشقارما باشلىقى بولغان. 1954 - 1957-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋېنگرىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. 1957-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى چەت ئەللەر بىلەن ئالاقىلىشىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1961-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، سېكرىتارىياتىنىڭ سېكرىتارى، سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى ۋە ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1967 - 1982-يىللىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ كەلگەن. برېژنېۋ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، باش سېكرىتار، ئالىي سوۋېتى پرىزدىئومىنىڭ رەئىسى بولغان. 

ئاندرونىك

  • ئاندرونىك[يەشمىسى:]1) لىۋى ئاندورونىك (Livius Andronicus، مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 402 - 482). قەدىمكى رىم دراماتورگى. يۇنانلىق بولۇپ، ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىنتۇم شەھىرىدە تۇغۇلغان. رىملىقلار بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلغان ۋاقتىدا (مىلادىدىن 272 يىل ئىلگىرى) ئەسىرگە چۈشۈپ، قۇل قىلىنغان، رىمدىكى خوجايىنى مارك لىۋى (Marcus Livius Salinatus) ئۇنى ئازاد قىلغاچقا، فامىلىسىنى لىۋىغا ئۆزگەرتىپ خوجايىننىڭ پەرزەنتلىرىگە يۇنان تىلى ئۆگەتكەن. گومېرنىڭ «ئودېسا» («ئودېسېيە خاتىرىسى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) داستانىنى لاتىنچىغا تەرجىمە قىلغان (ساتۇئىن نەزىم ئۇسلۇبى بىلەن) كېيىن ئۇ دەرسلىك قىلىنغان ھەمدە كەڭ تارقالغان. يۇنانلىق ئورىپىدىسنىڭ تراگېدىيىلىرى ۋە مېناندىرىنىڭ كومېدىيىلىرىنى تەرجىمە قىلغان ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىپ يېزىپ چىققان. قەدىمكى يۇنان تىياتىرىنى تۇنجى قېتىم رىمغا ئېلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ رول ئېلىپ سەھنىگە چىقىپ ئويۇن كۆرسەتكەن. ئۇ ھەم شائىر بولۇپ، مىلادىدىن 207 يىل ئىلگىرى رىم كاھىنىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەبۇت يونوۋانى مەدھىيىلەش داستانى يېزىپ چىققان. دەسلەپكى دەۋردىكى رىم تىياتىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەسسە قوشقان. (2) رودوسلىق ئاندرونىك (Andronicus Rhodus، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىر) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. رودۇس ئارىلىدا تۇغۇلغان. پېرىپاتىكىچىلار تەرەپدارى. ئارىستوتېلنىڭ يوقىلاي دەپ قالغان ئەسەرلىرىنى توپلىغان، رەتلەش ئارقىلىق ھازىر ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئارىستوتېل ئەسەرلىرى توپلىمىنىڭ ئاساسىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇ يەنە زور مىقداردىكى ئىزاھلار يېزىپ چىققان بولۇپ، بۇ، كېيىن يوقىلىپ كەتكەن. ئېيتىلىشىچە «مېتافىزىكا» (Metaphysics، ئەسلى مەنىسى فىزىكا ئىلمىدىن كېيىن دېگەن مەنىدە) دېگەن تىرمىننى ئۇ تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغانىكەن. ئۇ يەنە تېئوفراستوسنىڭ (ئارىستوتېلنىڭ شاگىرتى) ئەسەرلىرىنىمۇ رەتلەپ چىققان. 

ئاندرونىك Ⅰ (كومنېن)

  • ئاندرونىك Ⅰ (كومنېن)[يەشمىسى:]Andronicus I Comnenus، تەخمىنەن 1118 — 1185) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى (1183 — 1185) ئىمپېراتور مانۇئىل Ⅰ گە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن قوغلاندى قىلىنىپ، ياقا يۇرتلاردا كۆپ يىل سەرسان بولۇپ يۈرگەن. 1180-يىلى مانۇئېل ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ئالېكسىي Ⅱ (Alexius Ⅱ Comnenus، تەخمىنەن 1183 - 1168) يېشىغا يەتمەي تەختكە چىققان،ئانىسى مارىيە نايىبلىق قىلغان.1181-يىلى ئاندرونىك پايتەخت خەلقىنىڭ مارىيە ھۆكۈمىتى ۋە سىرتتىن كەلگەن ۋېنتسىيە سودىگەرلىرىگە بولغان نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ، توپىلاڭ قوزغاپ، ئىككىنچى يىلى 5-ئايدا كونستانتىنوپولنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1183-يىلى مارىيە بىلەن ئالېكسىي Ⅱ نى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، ئۆزىنى ئىمپېراتور قىلىپ تىكلىگەن. تەختتىكى مەزگىلىدە يەرلىك مەمۇرىي ئورگانلىرىنى ئىسلاھ قىلغان، تېررورلۇق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆكتىچى ئاقسۆڭەكلەرنى باستۇرغان. 1185-يىلى سىتسىلىيە ئارىلىنى بېسىپ ياتقان نورمانلار ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى سېسالونىكا (Thessalonica ياكى Salonika) نى بېسىۋالغاندا، كۈچەپ قارشىلىق قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئىناۋىتى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەن. ئاقسۆڭەكلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىساك Ⅱ ئانگېل (؟—1204، Isaac Ⅱ Angelus) نىڭ ئىمپېراتورل-ۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشنى قوللىغان. 

ئاندرونىك Ⅱ (پالېئولوگ)

  • ئاندرونىك Ⅱ (پالېئولوگ)[يەشمىسى:]Andrnicus II Palaeologus، تەخمىنەن 2331 - 9521) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى (1282 — 1328). تەختتىكى مەزگىلىدە تۈركلەر ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ كىچىك ئاسىيادىكى زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز پىلە قۇرتىدەك يالماپ يۇتۇۋالغان. تۈركلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، ئىسپانىيە كاتالونا (Cataluna) ياللانما قوشۇنىنى قوبۇل قىلغان. 1306 - 1308-يىللىرى بۇ ياللانما قوشۇن ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئىمپېرىيە تەۋەسىدىكى فراكىيە ۋە ماكېدونىيە رايونىنى ئاياغ ئاستى قىلغان، ئاندىن كېيىن ئافىنا رايونىنى بېسىۋالغان (ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىغا كەلگەندە بۇ يەردىن چېكىنىپ چىققان). 1321-يىلى نەۋرىسىنىڭ (كېيىنكى ئاندرونىك Ⅲ، Andronicas Ⅲ، Palaeologos، 1431-6921) نىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بوۋىسى بىلەن نەۋرىسى ئوتتۇرىسىدا ئىچك-ى ئۇرۇش يۈز بەرگەن. 1328-يىلى ئىچكى ئۇرۇش ئاياغلىشىپ تەخت- تىن قالدۇرۇلۇپ، كېيىن موناستىردا ئۆلگەن. 

ئاندرىچ

  • ئاندرىچ[يەشمىسى:]Ivo Andric، 5791 - 2981) يۇگوسلاۋىيە يازغۇچىسى، بوسنىيىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە ئاۋسترىيىگە قارشى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، «ياش بوسنىيە» تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئاۋسترىيە ئىمپېراتورىنى ئۆلتۈرۈش ئەنزىسىگە چېتىلىپ قېلىپ، تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، دىپلوماتىيە ساھەسىدە خىزمەت قىلىپ، باش ئەلچى بولغان. 1911-يىلدىن باشلاپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسىرى «بوسنىيە ترىلوگىيىسى» ناملىق ئۈچ رومانى «درىنا دەرياسىدىكى كۆۋرۈك»، «تېرافونىك خاتىرىسى» ۋە «سارايىۋىدىن كەلگەن ئايال» دىن ئىبارەت، بۇنىڭ ئىچىدە «درىنا دەرياسىدىكى كۆۋرۈك» (1945-يىلى) 1961-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

ئاندرېيىپ

  • ئاندرېيىپ[يەشمىسى:]Леонид Николаевич Андреев، 9191 - 1781) رۇس يازغۇچىسى. كىچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. موسكۋا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەرلىك سوت مەھكىمىسىدە ئىشلىگەن. 1895-يىلىدىن باشلاپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەسەرلىرىدە كۆپرەك كىچىك پېرسوناژلار ئارقىلىق چارروسىيە جەمئىيىتىدىكى زۇلمەتلىكنى پاش قىلغان؛ لېكىن ھەسرەتلىك كەيپىيات بىلەن تولغان، مەسىلەن: «باركاموت ۋە كاراكاس»، «سۈكۈت» ۋە «ھاڭ» قاتارلىق ھېكايىلىرى بار. 1905-يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى بەزى ئەسەرلىرىدە، مەسىلەن: سەھنە ئەسىرى «يۇلتۇزلارغا تەلپۈنۈش»، «گوبىرناتۇر» ۋە«دارغا ئېسىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان يەتتە ئادەم» ناملىق ھېكايىلىرىدە مۇستەبىتلىك تۈزۈمگە بولغان نارازىلىقى ۋە ئىنقىلابقا بولغان ھېسداشلىقى ئىپادىلەنگەن، بەزى ئەسەرلىرىدە، مەسىلەن: «زۇلمەت» ناملىق ھېكايىسى «ساشكارىگولىپ» ناملىق پوۋېستى بىلەن «ئاچارچىلىق پادىشاھى» ناملىق درامىسىدا ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ ئەھمىيىتىنى بۇرمىلىغان. ئۇ روسىيە دراماتورگىيىسىدىكى سىمۋولىزم ۋەكىللىرىنىڭ بىرى. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان، پارىژدا ۋاپات بولغان. 

ئاندرىيⅡ

  • ئاندرىيⅡ[يەشمىسى:]AndrasⅡ ياكى Endre Ⅱ، 5321 - 5711) ئاندراس Ⅱ دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىپ كەلگەن. ۋېنگرىيە پادىشاھى (5321 - 5021). 8121 - 7121-يىللىرى بەشىنچى قېتىملىق (1221 - 7121) ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسىنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىغا قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغان. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1222-يىلى «ئالتۇن تامغىلىق يارلىقى» نى جاكارلاشقا مەجبۇر بولۇپ، ئاقسۆڭەكلەرگە كەڭ دائىرىلىك ئىمتىياز بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن ۋېنگرىيىنىڭ فېئوداللىق تەپرىقە ھالىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. 

ئاندوسىيۇئىكى

  • ئاندوسىيۇئىكى[يەشمىسى:]1703 — 1762) ياپونىيە ئېدو مەزگىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكەن فېئوداللىققا قارشى مۇتەپەككۇر. تەخەللۇسى كاتاتاتسو راناكا. دېۋاكۇيوتارا (ھازىرقى ئاكىتا شەھىرى) دا تۇغۇلغان. كېيىن نامپو ۋاسساللىقى (ھازىرقى ئىۋاتى ناھىيىسى) خاچىتوغا كۆچۈپ كېلىپ تېۋىپلىك قىلغان. ناگاساكىدا ساياھەتتە بولۇپ، ياۋروپا جەمئىيىتىنى چۈشىنىپ، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىرادىسىگە كەلگەن. بارلىق ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە ھۆكۈمرانلىقنى يوقىتىش ھەمدە ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ «تەبىئەت ئالىمى» غا قايتىپ بېرىش، ئالىيجانابلار، تېننو بىلەن ۋاسسال غوجىلىرىنى ئىنكار قىلىش ھەمدە بۇددا دىنى، كۇڭزىچىلىقنى، جادۇگەرلىكنى ئىنكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسى ئەسەرلىرىدىن ئۈچ قىسىملىق «تەبىئىي ھەق يول تېپىش» ناملىق ياغاچ باسما نۇسخىسى، بىر جىلدلىق «تەبىئىي ھەق يول تېپىش» كىرىش سۆز كۇپىيىسى بار. تېكىستى 100 جىلد (93 قىسىم) كېلىدۇ. ئۇنىڭ يەنە «ھەق يول ھەققىدە چىن قىسسە» ئومۇمىي بايانى (5 قىسىم) بار. 

ئاندوگ پادىشاھلىقى

  • ئاندوگ پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى بىر پادىشاھلىق. تەخمىنەن 1500-يىلى كونگو پادىشاھلىقىدىن كېيىن گۈللەنگەن. پايتەختى كاباستا. پادىشاھنىڭ ئىسمى نگولا (Ngola)، پورتۇگالىيە تىلىدىكى ئانگولا (Angola) مۇشۇنىڭدىن كەلگەن. 1520-يىلى پورتۇگالىيىنىڭ مىسسىئونېرلىرى بۇ يەرگە كىرگەن ھەمدە قۇل سودىسى بىلەن شۇغۇل-لانغان. 1575-يىلى پاۋلو دىئاس(Dias de Novais Paulo) يېتەكچىلىكىدىكى يىراققا يۈرۈش قوشۇنى بېسىپ كىرگەن، شۇنىڭ بىلەن پورتۇگالىيىگە قارشى ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش باشلانغان. ئايال پادىشاھ ئانزىنگا ئۇلارنىڭ مەشھۇر يولباشچىسى بولغان. 1669-يىلى پورتۇگالىيە تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 

ئاندېرسون

  • ئاندېرسون[يەشمىسى:]Karl Johan Andersson، 7681 - 8281) شۋېتسىيە ئېكسپېدىتسىيىچىسى، غەربىي جەنۇبىي ئافرىقىدا كۆپ قېتىم ئېكسپېدىتسىيە قىلغان؛ 1850-يىلى دامارالاند(Damaraland)غا بارغان؛ 1853 — 1854-يىللىرى نگامې كۆلىگە بارغان، 1859-يىلى ئوكانانگو (Okanango) دەرياسىنى تاپقان. كېيىن دامارالانددا ئولتۇراقلاشقان، ئوۋامبولاند (Ovamboland) دا ئېكسپېدىتسىيە قىلىش داۋامىدا ئۆلگەن. ئۇنىڭ «نگامې كۆلى» ۋە «ئوكانانگو دەرياسى» ناملىق ئەسەرلىرى بار.

ئاندېرسون

  • ئاندېرسون[يەشمىسى:]Johan Gannar Andersson، 0691 - 4781) شۋېتسىيە ئارخېئولوگى، گېئولوگى. ياش ۋاقتىدا شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغان، 1906-يىلى شۋېتسىيە گېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 5291 - 4191-يىللىرى جۇڭگوغا كېلىپ، شىمالىي مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك-سودا مىنىستىرلىكىنىڭ كان ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بولۇپ، جۇڭگودا گېئولوگىيە خىزمىتى ئىشلىگەن. جۇكودىيەن خارابىلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققان ھەمدە خېنەن، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا بەزى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ياڭشاۋ يېزىسى قاتارلىق خارابىلارنى تېپىپ، زور مىقداردىكى رەڭلىك ساپال قاچىلارغا ئېرىشكەن. ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ستوكھولم يىراق شەرق قەدىمكى زامان ئاسار ئەتىقىلەر مۇزېيىنى قۇرغان ۋە ئۇنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇنىڭ «جۇڭخۇا قەدىمكى زامان مەدەنىيىتى»، «جۇڭگونىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابلىرى بار. ئۇ، جۇڭگو ئىپتىدائىي مەدەنىيىتىنى ئال-تە دەۋر (چىجا، ياڭشياۋ، مادېن، شىندىيەن، سىۋا، شاجىڭ) گە بۆلۈش تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بىراق زور مىقداردىكى ئارخېئولوگىيىلىك مەلۇماتلار ئۇنىڭ تەلىماتىنىڭ پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

ئاندېرسېن نېكىسې

  • ئاندېرسېن نېكىسې[يەشمىسى:]Martin Andersen Nexф، 1869 — 1954) دانىيە يازغۇچىسى. كوپېنھاگېندا تۇغۇلغان. پادىچى، موزدۇز، بىناكارلىق ئىشچىسى ۋە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1919-يىلى دانىيە كومپارتىيىسىگە قاتناشقان. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە خەلقئارا كالونناغا قاتناشقان. گېرمانىيە ئارمىيىسى دانىيىنى بېسىۋالغاندا تۇتقۇن قىلىنغان. 1944-يىلى شۋېتسىيە ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەلگەن. 1945-يىلى دانىيىگە قايتىپ كەتكەن. كېيىن گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان، درىزدېنىدا ۋاپات بولغان. ئۇ، دانىيە پرولېتارىيات ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغان بولۇپ، ئەسەرلىرىدە كۆپرەك ئىشچى-دېھقانلارنىڭ جەبر-جاپالىق تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى: «ئىستېلاچى پالې»، «فېتى»، «قىزىل ئىنقىلابچى مولتون»، «تەڭرىنىڭ زېمىنى»، «ئىككى دۇنيا»، «كۆزدىن يوقال» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئاندېس شەرتنامىسى تەشكىلاتى

  • ئاندېس شەرتنامىسى تەشكىلاتى[يەشمىسى:] «ئاندېس گۇرۇھى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جەنۇبىي ئامېرىكا ئاندېس تاغ تىزمىسى رايونى ئەللىرىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى. 1969-يىلى 5-ئايدا، چىلى، پېرۇ، ئېكۋادور، بولىۋىيە، كولومبىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت «ئاندېس شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغاندىن كېيىن رەسمىي تەشكىللەنگەن. 1973-يىلى چىلى بۇنىڭدىن چېكىنىپ چىققان. تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى: دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەكشى ۋە ماسلاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرىلىتىش، مىللىي ئىگىلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. 1980-يىلى ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پۈتكۈل چېگرا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئەركىن سودىنى يولغا قويۇپ، سىرتقى ئورتاق چېگرا بېجىنى بەلگىلەپ، ئاندېس ئورتاق بازىرىنى تەشكىل قىلغان. سىرتتىن كېلىدىغان مۇداخىلە ۋە سىياسىي، ئىقتىسادىي بېسىمغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن. 1983-يىلى 10-ئايدا مەزكۇر تەشكىلات بىلەن ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئالىي ئورگىنى— رەھبەرلىك كومىسسىيىسى (ئاندېس شەرتنامىسى كومىتېتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا تېخنىكا كومىسسىيىسى ۋە تاشقى سودا كېڭەشمىسى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭ باش شتابى پېرۇنىڭ پايتەختى لىما شەھىرىدە. 

ئانزىنگا

  • ئانزىنگا[يەشمىسى:]Nzing Mbande ياكى Njing Pande، ياكى Ann zingha تەخمىنەن 3661 - 2851) ئاندوگ پادىشاھلىقىنىڭ ئايال پادىشاھى (6261 - 4261)، ماتامبا (Matamba) پادىشاھلىقىنىڭ ئايال پادىشاھى (3661 - 0361) ئانگولادىكى پورتۇگالىيىگە قارشى كۈرەشنىڭ يولباشچىسى. پادىشاھ جەمەتىدىن كېلىپ چىققان، تەخمىنەن 1622-يىلى ئاندوگ پادىشاھىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە لۇئانداغا بېرىپ پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى ندونگ پادىشاھلىقىنىڭ مۇستەقىللىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان، شۇنىڭ بىلەن داڭق چىقارغان. 1624-يىلى پادىشاھلىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلغان. كېيىن پورتۇگالىيىلىكلەر ئاندوگ پادىشاھلىقىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، يېڭى پادىشاھ قويغان. ئايال پادىشاھ ئىچكى جايلارغا بېرىپ، كۈرەش قىلىپ، پورتۇگالىيىگە قارشى بارلىق كۈچلەرنى يىغىپ، قۇدرەتلىك زاپاس قوراللىق قوشۇن ئۇيۇشتۇرغان. 1630-يىلى ماتامبا پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرۇپ، پادىشاھلىقنى قولغا ئالغان. شۇنداقلا يېقىن ئەتراپتىكى قەبىلىلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، پورتۇگالىيە قوشۇنلىرىغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان ۋە ئىچكى جايلاردىكى قۇل سودىسىنى تىزگىنلىگەن. 40-يىللاردا گوللاندىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ پورتۇگالىيىلىكلەرنى ئىچكى جايلاردىن قوغلاپ چىقارغان. 1648-يىلى پورتۇگالىيە قوشۇنى يەنە بىر قېتىم لۇئاندانى بېسىۋېلىپ، تاجاۋۇزچىلىقنى كېڭەيتكەندە، ئۇ ئۇلارغا قارشى كۈرەشكە داۋاملىق رەھبەرلىك قىلغان. 1654-يىلى پورتۇگالىيىنىڭ قىستىشى ئارقىسىدا، كېلىشىم ئىمزالاپ، پورتۇگالىيە بىلەن بىۋاسىتە سودا قىلىشقا، پورتۇگالىيە مىسسىئونېرلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ماقۇل بولغان. 

ئانگا

  • ئانگا[يەشمىسى:]Anga) قەدىمكى ھىندىستاندىكى دۆلەت نامى. گانگ دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. پايتەختى كامپا (Gampa، ھازىرقى بىخار شتاتىدىكى باگالپۇر ئەتراپىدا)، بۇددا دىنى ئەۋج ئالغان ۋاقىتلاردىكى سەككىز چوڭ شەھەرنىڭ بىرى. ئۇزاققىچە ئۆزىنىڭ غەربتىكى قوشنىسى بولغان ماگادا دۆلىتى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ كەلگەن، ئاخىرى ماگادا پادىشاھى بىمبىسارا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا) تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان.

ئانگلو-ساكسون قانۇنلار دەستۇرى

  • ئانگلو-ساكسون قانۇنلار دەستۇرى[يەشمىسى:]Anglo Saxonlaws) مىلادى Ⅸ — Ⅶ ئەسىرلەردىكى ئەنگلىيە ئانگلو-ساكسونلارنىڭ ئادەت قانۇنلىرى توپلىمى. قەدىمكى ئانگلو تىلىدا يېزىلغان. كۆپ قىسمى كورۇل تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئەمىر-پەرمانلار. جىنايى ئىشلار قانۇنىنى ئاساس قىلغان، مەمۇرىي باشقۇرۇش، جامائەت تەرتىپى، دىنىي جەمئىيەت ئىشلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مىزانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قانۇنلار دەستۇرىدا ئانگلو-ساكسونلاردا سىنىپىي بۆلۈنۈشنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئاقسۆڭەكلەر كۆپرەك يەرنى ئىگىلەپ، قۇللار ۋە باشقا بېقىندى دېھقانلارنى ئىشقا سالغان، بىراق جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ تولىسى ئەركىن دېھقانلار بولغان. قانۇنلار دەستۇرىدا كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا نىسبەتەن، زىيانكەشلىك قىلىنغۇچىغا ياكى ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقىنىغا ھەق تۆلەش بەلگىلەنگەن، ئۇنىڭ سوممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ سالاھىيىتىگە قاراپ بەلگىلەنگەن. مەسىلەن، بىر ئاقسۆڭەكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە تۆلىنىدىغان ھەق ئومۇمەن بىر ئەركىن دېھقاننى ئۆلتۈرگەنگە تۆلىنىدىغان ھەقنىڭ 2 — 3 ھەسسىسىگە باراۋەر بولغان. قانۇنلار دەستۇرىنىڭ بەزى قىسىملىرى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە، ئۇ مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە.

ئانگلو ساكسونلار

  • ئانگلو ساكسونلار[يەشمىسى:]Anglo _ Saxons)ئەنگلىيە تارىخىدىكى ئاھالە. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن Ⅵ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە ئانگلېزلار، ساكسونلار ۋە جۇتېلار كەينى-كەينىدىن ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن برىتانىيە ئارىلىغا بېسىپ كىرگەن. Ⅹ — Ⅶ ئەسىرلەردە تەدرىجىي ھالدا قوشۇلۇپ ئانگلو-ساكسونلارغا ئايلانغان ھەمدە شۇ يەردىكى يەرلىك كېلتلارنى بويسۇندۇرغان ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ نام تارىخىي كىتابلاردا دەسلەپكى قېتىم كۆرۈلگەن. كېيىن كىشىلەر Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 1066-يىلىدىكى ۋىليام ئىستىلاسىغىچە بولغان ئەنگلىيە ئاھالىسىنى ئانگلو-ساكسونلار دەپ ئادەتلەنگەن ھەمدە بۇ تارىخىي دەۋرنى ئانگلو-ساكسون دەۋرى دەپ ئاتىغان.

ئانگلوساكسون يىلنامىسى

  • ئانگلوساكسون يىلنامىسى[يەشمىسى:]Anglo Saxon Chronicle) ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئەنگلىيىدىكى بىر يىلنامە، ئۇ تۆت خىل يىلنامىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىلادى Ⅸ —Ⅷ ئەسىردىن باشلاپ، ئانگلو-ساكسون بەگلىكلىرىنىڭ ئوردا ۋە ئىبادەتخانىلىرىدا بەزىلەر يىلنامە يازغان، بىراق ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى ئوخشاش بولمىغان، خاتىرىلەردىمۇ پەرق بولغان. غەربىي ساكس پادىشاھلىقى ئەنگلىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، 892-يىلىدىن باشلاپ كورۇل ئالفرېد (871 — 899-يىللاردا تەختتە تۇرغان) بىر تۈركۈم ئالىملارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىلگىرى جايلاردا ساقلانغان يىلنامىلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە تولۇقلاپ، كىتاب قىلىپ تۈزگۈزگەن، ئۇنىڭ نامىنى «ئانگلو-ساكسون يىلنامىسى» دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭغا مىلادىدىن 55 يىل ئىلگىرى كائېسار برىتانىيىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىنكى تارىخىي ۋەقەلەر يېزىلغان. كېيىن جايلار داۋاملىق قوشۇپ بارغان. تاكى 1154-يىلى ئەنگلىيە كورۇلى ستېپېن ۋاپات بولغانغا قەدەر بولغان ۋەقەلەر يېزىلغان. ئۇ تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگىلا ئىگە بولۇپ قالماي، ئەدەبىيات قىممىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى، ئۇ قەدىمكى ئەنگلىيە نەسرىي ئەسىرىنىڭ نەمۇنىسى. ئۇنىڭ يەتتە خىل كۆچۈرۈلمىسى تارقىلىپ كەلمەكتە.

ئانگلېزلار

  • ئانگلېزلار[يەشمىسى:]Angles)قەدىمكى گېرمانلارنىڭ بىر تارمىقى. ئەڭ دەسلەپ جىللاند يېرىم ئارىلى (ھازىرقى فېدېراتىپ گېرمانىيىدىكى شىلىزۋىگ ھولىشتېيىن رايونى) غا جايلاشقان. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئانگلېزلار ساكسون ۋە جۇتېلار بىلەن بىللە كەينى- كەينىدىن دېڭىزدىن ئۆتۈپ برىتانىيە ئارىلىغا بېسىپ كىرىپ، ئارالنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي-شىمال قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالغان. بېسىپ كىرگەن ئۈچ تارماق گېرمانلار ئىچىدە ئانگلېزلار كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىگەن يېرىمۇ ئەڭ كۆپ بولغان. Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىسىيە، نورتېسمبېرىيە ۋە شەرقىي ئانگلىيە دېگەن ئۈچ پادىشاھلىق قۇرۇلغان. Ⅸ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، بۇ ئۈچ دۆلەت غەربىي ساكىس كورۇلى ئېگېبېر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان، كېيىن ئانگلېزلار ساكسون ۋە جۇتېلار بىلەن قوشۇلۇپ ئانگلو-ساكسونلارنى ھاسىل قىلغان. چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئولتۇراقلاشقان ئانگلېزلار دانىسلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن.

ئانگورا جېڭى

  • ئانگورا جېڭى[يەشمىسى:] 1402-يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنى تېمور بىلەن تۈرك سۇلتانى بايازىت Ⅰ نىڭ ئ-انگورا(Angora، ھازىرقى ئەنقەرە)دە قىلغان جېڭى. تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى تارقاق بولۇشى ۋە كىچىك ئاسىيادىكى ئەمىرلىك دۆلەتلەرنىڭ يۈز ئۆرۈشى تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولۇپ، بايازىت ئەسىرگە چۈشۈپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلگەن. بۇ قېتىمقى جەڭ تۈركىيىنى بىر مەھەل كرىزىس ئىچىدە قالدۇرغان ۋە ئوتت-ۇرا ياۋروپاغا قىلغان ھۇجۇممۇ ۋاقىتلىق توسقۇنلۇققا دۇچ كەلگەن.

ئانگولا مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى (

  • ئانگولا مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى ([يەشمىسى:])ئانگولا خەلقىنىڭ پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشى. 1953-يىلى 3-ئايدا ئانگولانىڭ شىمالىي قىسمىدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن ھەمدە تېزلىكتە سەككىز ۋىلايەتكە كېڭەيگەن. بۇ قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن زور تۈركۈم ئىنقىلابچىلار قوشنا ئەللەرگە چىقىپ كەتكەن. 1961-يىلى پورتۇگالىيىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى پارتلىغان. كېيىنرەك مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئۈچ تارماق كۈچكە يەنى ئانگولا خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى، ئانگولا مىللىي ئازادلىق سېپى ۋە ئانگولانىڭ تولۇق مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىغا بۆلۈنۈپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش قىلغان. 1975-يىلى 1-ئايدا پورتۇگالىيە بىلەن ئۈچ تەشكىلات «ئالۇۋر كېلىشىمى» ھاسىل قىلىپ، ئانگولانىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۈچ مىللەتپەرۋەر تەشكىلات بىرلىشىپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان، ئۇزاق ئۆتمەي ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغان. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى پورتۇگالىيە ھاكىمىيەتنى ئانگولا خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى نىتۇ ئانگولانىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېلان قىلغان، ئانگولا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.

ئانگىلىكان چېركاۋى

  • ئانگىلىكان چېركاۋى[يەشمىسى:] خرىستىئان دىنىدىكى پ-روتېستانتلار مۇقەددەس چېركاۋىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى. «ئانگىلىكان» ئىنگلىزچە Anglican نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، «ئەنگلىيىنىڭ» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. چۈنكى مۇقەددەس دىنىي جەمئىيەت ئەنگلىيىدە بارلىققا كەلگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. دەسلەپتە يالغۇزلا ئەنگلىيە مۇقەددەس چېركاۋىنى كۆرسەتكەن، كېيىن ئومۇمەن ئېرلاندىيە، شوتلاندىيە، ئەنگلىيە دومىنىئونلىرى ۋە مۇستەملىكىلىرى ۋە ئامېرىكا مۇقەددەس چېركاۋلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ كەلگەن. ئەنگلىيە كېنتېبېرىي ئارخېئېپىسكوپى ھەرقايسى ئەللەردىكى مۇقەددەس چېركاۋلارنىڭ پەخرىي دىنىي باشلىقى بولۇپ كەلگەن.

ئاننا كومنېنا

  • ئاننا كومنېنا[يەشمىسى:]Anna Comnena، تەخمىنەن 1083 — 1148) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى تارىخشۇناسى. ئىمپېراتور ئالېكسىⅠ (كومنېن ⅠAlexius Comnenus، 1081 — 1118-يىللىرى تەختتە بولغان) نىڭ قىزى. ياش ۋاقتىدا گرېتسىيە پەلسەپىسىنى ئۆگەنگەن بولۇپ، ئىستېداتلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان. ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن، ئىنىسى يۇئاننېس Ⅱ(Joannes) گە قارشى چىقىپ، ئېرى نىكىفور برىيېننى(Nicephorus Bryennius، 1062— 1137) ئىمپېراتورلۇق تەخ-تىگە ۋارىسلىق قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ مەغلۇپ بولۇپ، مەرتىۋىسىدىن چۈشۈپ، موناستىرغا كىرىۋالغان. كېيىن، 15 جىلدلىق «ئىمپېراتور ئالېكسىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى خاتىرىسى» نى يېزىپ چىقىپ ئاتىسىنى جېنىنىڭ بارىچە ماختاپ، خەلق ئاممىسى ۋە بىدئەتچىلىك ھەرىكىتىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان، بىراق بۇ كىتابتا 1069—1118-يىللىرىدىكى ۋىزانتىيە تارىخى ۋە بىرىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىغا ئالاقىدار بولغان نۇرغۇن مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللار ساقلاپ قېلىنغان.

ئانناھانىڭ قىسقىچە تەزكىرىسى

  • ئانناھانىڭ قىسقىچە تەزكىرىسى[يەشمىسى:] ۋيېتنامدا ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان ئەڭ دەسلەپكى يەرلىك تەزكىرە (خەنزۇچە). 1333-يىلى لى زىي يازغان. جەمئىي 20 جىلد بولۇپ ھازىرغىچە 19 جىلد ساقلانغان. ئۇسلۇبى جۇڭگو تەزكىرىلىرىگە تەقلىد قىلىنغان. ۋيېتنامنىڭ قەدىمكى تارىخ، جۇغراپىيىسىنى تەتقىق قىلىشتا خېلى قىممەتكە ئىگە.

ئانۇرادخاپۇرا

  • ئانۇرادخاپۇرا[يەشمىسى:]Anuradhapura) سرىلانكىنىڭ قەدىمكى زاماندىكى پايتەخت خارابىسى ۋە بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى. ئورنى كولومبونىڭ شەرقىي شىمالىغا تەخمىنەن 130 كىلومېتر كېلىدىغان جايدا. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىن مىلادى Ⅹ ئەسىرگىچە پايتەخت قىلىنغان، مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىدە بىر مەھەل گۈللەنگەن. تارىختا ئۆتكەن پادىشاھلىرى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كۆپلىگەن ئىبادەتخانا ۋە بۇددا مۇنارلىرىنى ياساتقان. ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقانلىرىدىن بۇدداگايادىن كۆچۈرۈپ كېلىپ تىكىلگەن بۇدخىۋركىسا دەرىخى، سۇ تامچىپ تۇرىدىغان نو ئويۇلغان تاش ئۆڭكۈر ۋە بۇددا مۇنارلىرى بار. مەشھۇر مۇنارلاردىن ئابخايا گىرىۋىخارا مۇنارى، داجىنا مۇنارى، جىتاۋاناۋىخارا مۇنارى ۋە جىتاۋاناخوپا مۇنارلىرى بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە جىتاۋانا خوپا مۇنارى ئۇلىنىڭ دىئامېترى يۈزنەچچە مېتر كېلىدۇ. مۇنارغا ئورنىتىلغان چوڭ تاش تۈۋرۈكلەرگە ئىنتايىن چىرايلىق ھەرخىل نەقىش ۋە قاپارتما نەقىشلەر ئويۇلغان.

ئانۇرادخاپۇرا پادىشاھلىقى

  • ئانۇرادخاپۇرا پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىن مىلادى Ⅹ ئەسىرگىچە بولغان دەۋردىكى سەيلون (ھازىرقى سرىلانكا) دىكى سىنخاللارنىڭ دۆلىتى. پايتەختى ئانورادخاپۇرا شەھىرىدە بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئاساسلىق خاندانلىقلىرىدىن ۋىجايا خاندانلىقى (Vijaya، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىن مىلادى Ⅰ ئەسىرگىچە)، لامب-اكاننا خاندانلىقى(Lambakannas، مىلادى Ⅰئەسىردىن Ⅴ ئەسىرگىچە، Ⅶ ئەسىردىن Ⅹ ئەسىرگىچە) بولغان. پادىشاھ دىۋانامپى-يا تىسسا(Devanampuya Tissa) تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە(مىلادىدىن ئىلگىرىكى 250— 210) بۇددا دىنىنىڭ سىتاۋىراۋادا (ھىنايانا) مەزھىپى ھىندىستاندىن سەيلۇنغا كىرگەن. بۇددا ئىبادەتخانىسىدىكى راھىبلار گۇرۇھى مەملىكەت ئىچىدە سىياسىي، ئىقتى- سادىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە پەيدىنپەي مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن. ھۆكۈمرانلار دېھقانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، زور سۇغىرىش سىستېمىسىنى قۇرغان. ئۇلار دائىم جەنۇبىي ھىندىستاندىكى تامىللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىر ۋە مىلادى Ⅴ ئەسىردە تامىللار ئۇلارغا ئىككى قېتىم ھۆكۈمرانلىق قىلغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا جەنۇبىي ھىندىستاندىكى چولا پادىشاھلىقىنىڭ ئارمىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، پادىشاھلىق ئاياغلاشقان.

ئانسېلمۇس

  • ئانسېلمۇس[يەشمىسى:]Anselmus، 1033 — 1109) ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆتكەن غەربىي ياۋروپا تىئولوگى ۋە مەدرىس پەيلاسوپى. رېئالىزمچىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئىتالىيىنىڭ ئائوستا (Aosta) شەھىرىدىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1060-يىلى فران- سىيىدىكى بوك مۇناستىرىغا كىرگەن.1078-يىلى سانىسدىۋان مۇناستىرىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1093-يىلى ئەنگلىيە كېنتىبېرىيىنىڭ ئارخېئېپىسكوپلۇقىغا كۆتۈرۈلگەن. دىنىي ھوقۇق دەھرىي ھاكىمىيەتتىن ئەلا دېگەننى تەرغىپ قىلغان ھەمدە ئەنگلىيە كورۇلى بىلەن ئېپىسكوپلۇققا تەيىنلەش ھوقۇقىنى تالىشىپ، ئىككى نۆۋەت ئەنگلىيە كورۇلى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلگەن. خۇدا توغرىسىدىكى ئۇقۇمدىن خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قىياس قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ، ئانتولوگىيە دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ بىلەن دەۋرداش بولغان فرانسىيىلىك پەي-لاسوپ مىسسىئونېر گونىلو(Gaunilo، تەخمىنەن ؟ — 1083-يىلى) مۇ بۇ خىل دەلىللەشنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشى تەس دەپ ھېسابلىغان. «تەرىقەتنى دەلىللەش دەستۇرى»، «گرامماتىكىلىق دىئالوگ»، «خۇدا قايسى ۋاقتىدا، كىملەر ئۈچۈن بۇ دۇنياغا كەلگەن؟» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ئانيالان ئىتتىپاقى

  • ئانيالان ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] 1788 — 1789-يىللىرى شۋېتسىيە، فىنلاندىيە ئوفىتسېرلىرىدىن تەركىب تاپقان تەشكىلات. 1788-يىلى 7-ئايدا شۋېتسىيە كورۇلى گۇستاۋ Ⅲ پارلامېنت بىلەن مەسلىھەتلەشمەستىنلا روسىيىگە ئۇرۇش قوزغىغان. ئالدىنقى سەپتىكى ئوڭۇشسىزلىق تۈپەيلىدىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە جۈنتۇەن قوماندانى ئارم-فېلد (C.G. Armfeldi) قاتارلىق يەتتە نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر لېكالا (Liikala) دا روسىيە ئايال پادىشاھى يىكاتېرىنا Ⅱ گە خەت يېزىپ، ئۇرۇشنى توختىتىپ، تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلغان. كېيىن شۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيىنىڭ يۈز نەپەردىن كۆپرەك ئوفىتسېرى ئانيالان (Anjalan، فرىدرىسخىھامنىڭ غەربىي شىمالىدا) دا ئىتتىپاقلىق خىتابنامىسى ئىمزالاپ، يەتتە نەپەر ئوفېتسېرنىڭ خېتىنى قوللاپ، ئۇرۇشنى ئەيىبلەپ، روسىيە بىلەن يارىشىشنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە شۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىشنى تەلەپ قىلغان. ئىتتىپاق ئىچىدە بەزىلەر فىنلاندىيىنىڭ شۋېتسىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. بىراق گوستاۋ Ⅲ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شۋېتسىيىگە قايتىپ كېلىپ، دانىيە قوشۇنلىرىنىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرۈپ، ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئوڭشىۋالغان. ئىتتىپاق تېزلىكتە پارچىلىنىپ، ئۇنىڭ ئەزالىرى باستۇرۇلغان. روسىيىگە قارىتا بولغان ئۇرۇش تاكى 1790-يىلىغىچە داۋام قىلغان.

ئاۋراڭزېب

  • ئاۋراڭزېب[يەشمىسى:]Aurangzeb،1618 — 1707)، ئەۋرەڭزىپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانى (1658 — 1707). شاھ جاھاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى. دېككان(Deccan) نىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1658-يىل-ى دادىسىنى ئاگرا (Agra) دا تۇتقۇن قىلغان ھەمدە ئاكىلىرىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋالغان. ئۇ ئۆزىنى «دۇنيانى بويسۇندۇرغۇچى» دەپ ئاتىۋالغان. ئۇ ئىسلام دىنى سۈننىي مەزھىپىنىڭ تەقۋادار مۇرىتى بولۇپ، ھىندى دىنىدىكى فېئوداللار بىلەن ئۆتكۈر زىددىيىتى بولغانلىقتىن، ھىندى دىنىنىڭ مۇرىتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان سىياسەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھىندى دىنىنىڭ ئىبادەتخانىلىرىنى بۇزۇۋېتىش، ھىندى دىنىنىڭ بايراملىرىنى چەكلەش قاتارلىق پەرمانلارنى چۈشۈرگەن. ھۆكۈمرانلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە دۆلەت ۋەزىيىتى تۇراقلىق بولغان؛ كېيىنكى مەزگىلدە خەلق قوزغىلاڭلىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بەرگەن، چات قەبىلىسىنىڭ قوزغىلىڭى، شىك مۇرىتلىرىنىڭ قوراللىق قارشىلىقى، راجپۇتلارنىڭ ئاسىيلىقى ئىمپېرىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئېغىر زەربە بەرگەن. جەنۇبتا يېڭىدىن گۈللەنگەن، سىۋاجى رەھبەرلىكىدىكى ماراتا دۆلىتى بىلەن ئۇزاق ۋاقىت سوقۇشقان. 1686 — 1687-يىللىرى بىجاپۇر (Bijapur) ۋە گولكوندا (Golkonda) پادىشاھلىقلىرىنى ئىستېلا قىلىپ، زېمىنى بىر مەزگىل ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالغان.ئەمما ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇش قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، دۆلەت كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ كەتكەن، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئىمپېرىيە تەدرىجىي ھالدا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن.

ئاۋرىگنا مەدەنىيىتى

  • ئاۋرىگنا مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]ياۋروپانىڭ كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى مەدەنىيىتى. ئەڭ ئاۋۋال فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاۋرىگنا(Aurignac) كەنتىدە تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ياۋروپانىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە بالقان يېرىم ئارىلىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، دەۋرى تەخمىنەن مىلادىدىن 30000 — 25000 بۇرۇنقى يىللارغا توغرا كېلىدۇ. تىپىك تاش قوراللار ياپىلاق تاش، ئۇچلۇق تاش قورال، تىلسىمان تاش قورال ۋە ئويما قورال قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئەمەلىي ئەھۋاللار تەسۋىرلەنگەن غار تام رەسىملىرى، پىل چىشىدىن ئىشلەنگەن يۇمىلاق ئويما نەقىش ۋە قاپارتما نەقىش قىلىنغان ئايال كىشىنىڭ رەسىمى، قۇلۇلە قېپى ۋە بېلىقنىڭ ئومۇرتقىسىدىن ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلارمۇ بار. بىللە ھايات كەچۈرگەن ھايۋانات توپلىرى غار ئېيىقى، تۈكلۈك كەركىدان، مامۇنت قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئاۋستېرلتز جېڭى

  • ئاۋستېرلتز جېڭى[يەشمىسى:]1805-يىلى ناپولېئون روسىيە-ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان جەڭ. بۇ جەڭگە فرانسىيە ئىمپېراتورى ناپولېئون Ⅰ، روسىيە ئىمپېراتورى ئالېكساندرⅠ، ئاۋسترىيە ئىمپېراتورى فرانس Ⅱ قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، «ئۈچ ئىمپېراتور جېڭى» دەپمۇ ئاتالغان. فرانسىيىگە قارشى ئۈچىنچى قېتىملىق ئىتتىپاق قۇرۇلغاندىن كېيىن، ناپولېئون ئەنگلىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىش پىلانىدىن ۋازكېچىپ،1805-يىلى 8-ئايدا قوشۇننى باشلاپ روسىيە-ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قارشى ئاتلانغان، 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇلم (Ulm) دا ئاۋسترىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋېنانى ئىشغال قىلغان، 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاۋستېرلتز(Austerltz، ھازىرقى چېخوسلوۋاكىيە زېمىنى ئىچىدە)تا روسىيە-ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلغان.بىرلەشمە جەڭگە فرانسىيە ئارمىيىسىدىن 80 مىڭ كىشى، روسىيە ئارمىيىسىدىن 75 مىڭ كىشى، ئاۋسترىيە ئارمىيىسىدىن 15 مىڭ كىشى قاتناشقان. ناپولېئوننىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى ئاستىدا روسىيە-ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى ئۈزۈل-كېسىل بىتچىت بولۇپ، تەخمىنەن 35 مىڭ كىشىسىدىن ئايرىلغان، قالغانلىرى تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ قاچقان، فرانسىيە ئارمىيىسىدىن پەقەت 9000 كىشىلا چىقىم بولغان. ئاۋسترىيە ئىمپېراتورى فرانس Ⅱ شۇ كۈنى كەچتە ئۇرۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. روسىيە ئارمىيىسى ئاۋسترىيە زېمىنىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ جەڭ فرانسىيىگە قارشى ئۈچىنچى قېتىملىق ئىتتىپاقنىڭ تېز يىمىرىلىشىگە تۈرتكە بولغان.

ئاۋستېن

  • ئاۋستېن[يەشمىسى:]1)جانې ئاۋس-تېن (Jane Austen، 1775 — 1817). ئەنگلىيىلىك ئايال يازغۇچى. يېزا پوپىنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.ئەسەرلىرىدە ئاساسەن ئەنگلىيە يېزىلىرى ۋە لوندوندىكى يۇقىرى قاتلام باي تەبىقىنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇ پېرسوناژلارنىڭ مىجەز-خۇلقىنى ماھىرلىق بىلەن ياراتقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇرژۇئازىيىنىڭ مۇھەببەت قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭ «ئەقىلبىلەنھېسسىيات»، «تەكەببۇرلۇق بىلەن بىر تەرەپلىمە قاراش»، «ئەيما»، «ئەقىدە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.(2) جون ئاۋستىن (John Austin، 1790 — 1859)، ئەنگلىيىدىكى قانۇننى تەھلىل قىلغۇچىلار ئېقىمىغا ئاساس سالغۇچى. ئوفىتسېر بولغان. 1812 — 1815-يىللاردا ئادۋوكاتلىق قىلغان. 1826-يىلى لوندون داشۆسى قۇرۇلغاندا، بۇ داشۆنىڭ تۇنجى قانۇن پرىنسىپلىرى ئىلمىي پروفېسسورى بولغان. تەبىئەت قانۇنى ئىدىيىسىنى چەتكە قېقىپ، قانۇن ھۆكۈمراننىڭ بۇيرۇقى، خەلق ئۇنىڭغا مۇتلەق بويسۇنۇشى شەرت دەپ قاراپ، قانۇننىڭ سىنىپىيلىقىنى ئىنكار قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى «قانۇن پرىنسىپلىرى ئىلمىنىڭ دائىرىسى»، «قانۇن پرىنسىپلىرى ئىلمى كونسپېكتى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئاۋگسبۇرگ ئۇرۇشى

  • ئاۋگسبۇرگ ئۇرۇشى[يەشمىسى:]لېخفېلد جېڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيە ك-ورۇلى ئوتتۇ Ⅰ ماگيارلار (ۋېنگرلار) نى مەغلۇپ قىلغان مۇھىم جەڭ. Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ماگيارلار ئوتتۇرا ياۋروپاغا بېسىپ كىرگەن، مىلادى 955-يىلى ئاۋگسبۇرگ (Augsburg، ھازىرقى ئىتتىپاق گېرمانىيىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا) نى قورشىۋالغان. شۇ يىلى 10-ئاۋغۇستتا ئوتتۇ Ⅰ گېرمان-چېخ بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، ماگيارلارنى ئاۋگسبۇرگنىڭ جەنۇبىدىكى لېخفېلد (Lechfeld)دا قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ۋېنگرلار غەربكە يۈرۈشنى توختاتقان ھەمدە كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا تەدرىجىي ئۆتكەن.

ئاۋگسبۇرگ ئېتىقاد پروگراممىسى

  • ئاۋگسبۇرگ ئېتىقاد پروگراممىسى[يەشمىسى:]پروتېستانت دىنى لۇتېر مەزھىپىنىڭ ئېتىقاد پروگراممىسى. لۇتېر ئۆزىنىڭ يېقىن ئادىمى مېلانختونغا يازدۇرغان. 1530-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى چارلىس Ⅴ ئاۋگسبۇرگتا ئاچقان ئىمپېرىيە كېڭىشىگە تاپشۇرۇلغان. ئېتىقاد پروگراممىسىدا شەھەر ئاھالىسى سىنىپىنىڭ «پاك چېركاۋ» قۇرۇش تەلىپى بويىچە، لۇتېر مەزھىپىنىڭ دىنىي مۇراسىملىرىنى بېكىتكەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ دەھرىي ھۆكۈمرانلارغا بېقىنىش پرىنسىپلىرىنى بەلگىلىگەن. ئېتىقاد پروگراممىسى شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، 1524 — 1525-يىللاردىكى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە، لۇتېر بەگلەر تەرەپكە ئېغىپ، لۇتېر مەزھىپى بەگلەرنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ كەتكەن.

ئاۋگۇستىنۇس

  • ئاۋگۇستىنۇس[يەشمىسى:]Aurelius Augustinus، تەخمىنىەن 354 — 430). رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى خرىستىئان دىنىي مۇتەپەككۇرى، پوپچىلىق پەلسەپىسىنىڭ ۋەكىلى. نۇمىدىيە (ھازىرقى ئالجىرىيە زېمىنىنىڭ ئىچىدە) نىڭ تاگاستې (Tagaste) دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. دادىسى فاترىشيۇ رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەمەلدارى بولۇپ، بى-دئەت ئىدى. ئانىسى مونىكا خرىستىئان دىنىنىڭ مۇرىتى ئىدى. ياش ۋاقتىدا كارفاگېن (ھازىرقى تونىس)دا ستىلىستىكا ئۆگەنگەن ۋە دەھرىي راھەت -پاراغەتكە بېرىلىپ كەتكەن. كېيىن رىم ۋە مىلانغا بېرىپ، ستىلىستىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان ھەمدە پەلسەپە بىلەن ئىلاھىيەت تەتقىقاتىغا كۈچ چىقارغان. بىر مەزگىل مانى دىنىغا ئېتىقا قىلغان. پلاتون ۋە يېڭى پلاتونچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ھەمدە مىلان ئېپسكوپى ئامبۇروسۇس (Ambrosius) نىڭ تەسىرىدە، مىلادى 387 -يىلى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ مىسسىئونېرلىق خىزمىتىنى قوبۇل قىلغان، ھىپپو Hippo، ھازىرقى ئالجىرىيىنىڭئاننابا— Annabaدېگەن جايى) دا پوپلۇق قىلغان؛396- يىلى ھىپپونىڭ ئېپسكوپلۇقىغا كۆتۈرۈلگەن. ئۇ خرىستىئان دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىنى يېڭى پلاتونىزم پەلسەپىسى ئارقىلىق دەلىللەپ، پەلسەپە بىلەن ئىلاھىيەتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەن. «ئەزەلىي گۇناھكار تەلىماتى» نى تەرغىپ قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بوۋىسى ئادەم خۇدانىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىپ گۇناھكار بولغاندىن بۇيان، ھەرقانداق ئادەم تۇغۇلۇشى بىلەنلا گۇناھكار بولۇپ، پەقەت خۇداغا ئېتىقاد قىلغان كىشىلا گۇناھتىن ساقىت بولالايدۇ، خرىستىئان چېركاۋى خۇدانىڭ بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر ۋەكىلىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇنۇش ۋە چېركاۋغا كىرىش قۇتقۇزۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر، دەپ جاكارلىغان. ئۇ يەنە «باقىي دۇنيا تەلىماتى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتكۈل تارىخ «پانىي دۇنيا»بىلەن «باقىي دۇنياسى» ئارىسىدىكى رىقابەتتىن ئىبارەت، پانىي دۇنيا دەھرىي ھاكىمىيەت بولۇپ، كەلگۈسىدە ئاخىر يوقىلىدۇ، باقىي دۇنيا ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، خرىستىئان چىركاۋى باقىي دۇنيانىڭ بۇ دۇنيادىكى گەۋدىلىنىشىدۇر دەپ قارىغان. ئۇ چىركاۋنىڭ كىشىلىك دۇنياسىدا ئورناتقان ئىلاھىي ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاقلىغان ھەمدە ئوتتۇرا قەدىمكى ياۋروپادىكى كاتولىك چىركاۋىنىڭ دىنىي ھوقۇق ھەممىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ نەزەرىيىسىنى نەزەرىيىۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى «باقىي دۇنيا نەزەرىيىسى» («خۇدانىڭ شەھىرى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغ-ان)، «توۋا قىلىش خاتىرىسى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئائۇڭزېيا

  • ئائۇڭزېيا[يەشمىسى:]Aungzeya، 1714 — 1760) بىرمىنىڭ ئائۇڭزېيا خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئائۇڭزېيا «غالىب پادىشاھ» دېگەن مەنىدە. يەنە بىر ئىسمى ئالۇڭپايا ( Alaungpaya ياكى Alompya). بۇ، «كەلگۈسىدىكى بۇددا» دېگەن مەنىدە. ئۇ ئەسلى بىرمىنىڭ شىمالىدىكى شىۋېبو دېگەن يەردىكى يەرلىك ئەمەلدار بولۇپ، جۇڭگونىڭ تارىخلىرىدا ئۇنى مۇش-ۇ بېگى دەپ ئاتىغان. 1752- يىلى مونىسلار تۇڭگو خاندانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، مونىسلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان.1753-يىلى ئاۋانى ئالغان، كېيىن يەنە پرومېنى ئېلىپ، رانگوننى بېسىۋالغان ھەمدە داگۇننى رانگۇ ( Rangoo، «دۈشمەن تۈگىشىپ كەتتى» دېگەن مەنىدە) دەپ ئۆزگەرتكەن. كەينىدىنلا يەنە سۇرىيامنى ئىشغال قىلغان. 1757-يىلى مونىسلاردىن پېگۇنى تارتىۋېلىپ، ۋەيران قىلىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرمىنى يېڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1758 — 1759-يىللىرى شەرقىي شىمالدىكى مەننىپونى بويسۇندۇرغان. 1759-يىلى سىيامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغاپ، سىيامنىڭ پايتەختى ئايۇتىيىنى قورشىۋېلىپ، نەتىجە چىقىرالماي، چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. ئىچكى سىياسەت جەھەتتە، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇ- رۇشقا، سۇغىرىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن رانگون سۇرىيامنىڭ ئورنىنى دەسسەپ، مۇھىم پورتقا ئايلىنىپ قالغان. ئۇ قانۇن تۈزۈش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرگەن.1759-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ خىڭگىي ئارىلىدىكى تاجاۋۇزچىلىق تايانچ پونكىتلىرىنى يوقىتىشقا پەرمان چۈشۈرگەن (خىڭگىي ئارىلى ۋەقەسىگە قاراڭ).

ئائۇڭزېيا خاندانلىقى

  • ئائۇڭزېيا خاندانلىقى[يەشمىسى:] «كونبائۇڭ (Konbaung) خاندانلىقى» ياكى «شۋېبو (Shwebo) خاندانلىقى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىرمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى فېئودال خاندانلىقى. 1752-يىلى ئائۇڭزېياشۋېبوداقۇرغان. 1753 يىلى ئاۋانى ئىشغال قىلغان. يۇقىرى بىرمىنى تىزگىنلىۋالغاندىن كېيىن، 1756-يىلى يەنە سورىيامنى ئالغان. 1757-يىلى مونىسلارنىڭ پايتەختى پېگونى ئىشغال قىلىپ، بىرمىنى يەنە بىر قېتىم بىرلىككە كەلتۈرگەن. پايتەختى شۋېبو. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، دۆلەت قۇدرەت تېپىپ، سىيام (بۈگۈنكى تايلاند) غا كۆپ قېتىم تاجاۋۇز قىلغان ھەمدە جۇڭگو چىڭ سۇلالىسى بىلەن جەڭ قىلغان. 1785-يىلى ئاراكاننى قوشۇۋالغان. ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ تەسىر كۈچلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى كەسكىنلەشكەن. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىرمىغا قارشى ئۈچ قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئارقىلىق، 1885-يىلى بىرمىنى بېسىۋالغان. خاندانلىق مۇنقەرز بولغان. 

ئائۇڭ سان

  • ئائۇڭ سان[يەشمىسى:]Aung san، 1915— 1947) يەنە بىر ئىسمى تاكىن ئائۇڭ سان. بىرما مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى. ماگۋې ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. رانگۇن ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئەنگلىيىگە قارشى سىياسىي ھەرىكەتكە قاتناشقان. بىرما كومپارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى. 1938-يىلى تاكىن پارتىيىسىگە كىرگەن. 1939 — 1940-يىللىرى بۇ پارتىيىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرما كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1939-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تايلاندتا بىرما مۇستەقىل ئارمىيىسىنى تەشكىللەپ، باش قوماندانلىقنى ئۈستىگە ئالغان. 1942-يىلى بىرمىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن باماۋ (Ba Maw، 1893 — 1977) ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1944-يىلى «بىرما فاشىستلارغا قارشى خەلق ئەركىنلىك ئىتتىپاقى» قۇرۇلغاندىن كېيىن رەئىس بولغان. 1945-يىلى 3-ئايدا مەملىكەت كۆلەملىك قوراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 5-ئاينىڭ 1-كۈنى پايتەخت رانگۇننى قايتۇرۇۋالغان ھەمدە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1947-يىلى بىرما ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى بولغان، شۇ يىلى 7-ئايدا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن. «1947-يىلىدىكى ئىيۇل پاجىئەسى» گە قاراڭ.

ئاۋلارد

  • ئاۋلارد[يەشمىسى:]Fransois Victor Alphonse Aulard، 1849 — 1928)، فرانسىيە تارىخشۇناسى، فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلاب تارىخىنىڭ مۇتەخەسسىسى. ياش ۋاقتىدا نىتسې (Nice) قاتارلىق جايلاردا ئەدەبىيات تارىخىدىن دەرس بەرگەن، كېيىن تارىخنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. «ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى، قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى، مىللىي ئۇيۇشمىدىكى ناتىق» دېگەن كىتابى بىلەن داڭق چىقارغان. 1886 — 1922-يىللاردا پارىژ داشۆسىنىڭ فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلاب تارىخى لېكسىيىسىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلاب تارىخىي تەتقىقات جەمئىيىتىگە رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە بۇ جەمئىيەتنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلى «فرانسىيە ئىنقىلابى» نىڭ باش تەھرىرى بولغان. سىياسىي جەھەتتە جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە رادىكال دېموكراتلارغا يېقىنلىشىپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قوغدىغان. ئۇ «فرانسىيە ئىنقىلابى تارىخشۇناسى تائىنې» دېگەن ئەسىرىدە، تائىنېنىڭ فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغا قارشى كۆز قارىشىنى تەنقىد قىلغان. فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغا ئائىت ماتېرىياللارنى توپلاش ۋە نەشىر قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۈيۈك ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى سىياسىي تارىخى، تۈزۈم تارىخى، ئىدىيە تارىخى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلغان. ئاساسىي ئەسىرى «فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ سىياسىي تارىخى»بولۇپ، يەنە «ياكوبن كلوبى ھۈججەتلىرىنىڭ خاتىرىسى»، «جامائەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ھۈججەتلىرىنىڭ توپلىمى» قاتارلىق تارىخىي ماتېرىياللار توپلاملىرىنى تۈزگەن.

ئاۋا خاندانلىقى

  • ئاۋا خاندانلىقى[يەشمىسى:] ⅩⅣ ئەسىردىن ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بىرمىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىرما مىللىتىنىڭ فېئوداللىق خاندانلىقى. 1364-يىلى ساگائىڭ خان جەمەتىدىن تادومىنبيا (Thadominbya) ساگائىڭ بەگلىكى بىلەن پىنيا بەگلىكىنى بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن قۇرغان بولۇپ، ئاۋا (Ava، ھازىرقى ماندالاي ئەتراپى) نى پايتەخت قىلغان. مىنكيىس ۋاساۋكې (Minkyiswasawke) تەختتە ئولتۇرغان چاغدا (1368 — 1401) يۇقىرىقى بىرمىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ھەمدە جەنۇبتىكى ئاراكان بەگلىكىنى كونترول قىلغان. 1386 — 1425-يىللىرى ئاۋا خاندانلىقى تۆۋەنكى بىرمىدىكى پېگو خاندانلىقى بىلەن ئۇزاققىچە ئۇرۇش قىلغان، تارىختا بۇ «40 يىللىق ئۇرۇش» دەپ ئاتالغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەن. 1527-يىلى پايتەخت ئاۋا شەنزۇلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. 1555-يىلى تونگو خاندانلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.

ئاۋارلار

  • ئاۋارلار[يەشمىسى:]ABars)جۇڭگو تارىخىدا «جۇرجانلار» دەپ ئاتالغان. مىلادى 552-يىلى ئۇلار تۈركلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن بىر قىسىم جۇرجانلار جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمىدىن غەربكە كۆچكەن. Ⅵ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا دوناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋادىسىنى ئىشغال قىلىپ، ئاۋار خانلىقىنى قۇرغان. كېيىن دائىم گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە بالقان يېرىم ئارىلىغا بېسىپ كىرىپ، تەسىر كۈچ دائىرىسى بىر مەھەل شەرقتە قارا دېڭىز بويلىرىغىچە، غەربتە ئادرىياتىك دېڭىزىغىچە كېڭەيگەن. 795 — 796-يىللىرى ئىمپېراتور كارلوس ئاۋارلارنى مەغلۇپ قىلغان. ئاۋار خانلىقى شۇنىڭدىن كېيىن ھوشىغا كېلەلمىگەن. كېيىن ئاۋارلار يەرلىك مىللەتلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن.

ئاۋرورا

  • ئاۋرورا[يەشمىسى:]Enrico Michele Aurora، 1764 — ؟) ئىتالىيە خىيالىي سوتسىيالىزمچىسى. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئىتالىيە ياكوبىنچىلىرىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى. 1793-يىلى فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىدە ۋەزىپە ئۆتەپ، فرانسىيە مىللىي ئۇيۇشمىسىدىن ئىتالىيىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن، ئىتالىيە ئارمىيىسى قۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 1796 — 1797-يىللىرى مىلان ياكوبىنچىلىرىنىڭ رەھبىرى بولغان ھەمدە1796 يىلى لومباردىيىدە مۇستەقىللىك جاكارلاشقا ئۇرۇنغان. 1797-يىلىدىن باشلاپ رىم ياكوبىنچىلىرىنىڭ «بروتو جەمئىيىتى» نىڭ پائالىيەتچىسى بولغان. رىم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن (1798 — 1799)، جەمئىيەتنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ سىياسىي ئوبزور ئەسەرلىرىدە ئىتالىيىنىڭ بىرلىكىنى تەشۋىق قىلىپ، پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك تۈزۈمگە ۋە رىم پاپاسىنىڭ كۈچلىرىگە قارشى تۇرغان. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ساقلاپ قېلىش شەرتى ئاستىدا مال-مۈلۈكنى تەڭ تەقسىم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئىجتىمائىي پروگراممىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كاتولىك دىنىغا قارشى تۇرۇپ، روبېسپېر ئوتتۇرىغا قويغان ئالىي مەۋجۇدات نەزەرىيىسىنى قوللىغان.

ئاۋرورا كېرەيسىرى

  • ئاۋرورا كېرەيسىرى[يەشمىسى:]روسىيە بالتىق دېڭىز ف-لوتىنىڭ ھەربىي پاراخوتى. ئۆكتەبر ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ داڭقى چىققان. 1900-يىلى ياسىلىپ سۇغا چۈشۈرۈلگەن. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدا پاراخوتتىكى ماتروسلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، چار پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كۈرىشىگە قاتناشقان. ئۆكتەبر ئىنقىلابى ھارپىسىدا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ پاراخوتىنى پېتروگرادتىن كەتكۈزۈۋېتىشنى قەستلەش بۇيرۇقىنى رەت قىلغان. 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ يوليورۇقىنى قوبۇل قىلىپ، نىكولايېۋ كۆۋرۈكىنى ئىشغال قىلىپ، قوزغىلاڭنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان. بۇيرۇققا بىنائەن ئەتىسى ئاخشىمى سائەت 9 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە توپ ئېتىپ، قىشلىق سارايغا ھۇجۇم قىلىشقا سىگنال بەرگەن. غەلىبىدىن كېيىن پاراخوتتىكى ماتروسلار موسكۋادىكى قوراللىق قوزغىلاڭ ۋە ئىچكى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1923-يىلى بۇ پاراخوت بالتىق دېڭىز فىلوتىنىڭ تەلىم-تەربىيە ئەترىتىگە كىرگۈزۈلگەن. 1948-يىلى ناسىموۋ ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇلغان. 1957-يىلى مەركىزىي دېڭىز ئارمىيە مۇزېيىنىڭ شۆبىسى قىلىپ ياسالغان.

ئاۋغۇست پەرمانى

  • ئاۋغۇست پەرمانى[يەشمىسى:] فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنتى ئېلان قىلغان فېئوداللىق ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى پەرمان. 1789-يىل 7-ئاينىڭ 14-كۈنى پارىژ خەلقىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئىنقىلاب تېزدىنلا مەملىكەت بويىچە قانات يايدى. يېزىلاردا فېئوداللىق تۈزۈمنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغان بولسا، ھەرقايسى شەھەرلەردە پارىژغا تەقلىد قىلىنغان «شەھەر ئىنقىلابى» بارلىققا كەلگەنىدى. ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنت ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە فېئوداللىق ئىمتىيازنى بىكار قىلىش بويىچە مۇھاكىمە يىغىنىنى چاقىرىپ، «فېئوداللىق تۈزۈمنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىش» قارارىنى، يەنى «ئاۋغۇست پەرمانى» نى ماقۇللىدى. ئىمتىيازلىق تەبىقىدىكىلەرنىڭ باج تۆلىمەسلىك ھوقۇقىنى ۋە دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ئۆشرە-زاكىتىنى بىكار قىلىش، يېزىلاردىكى بېقىندىلىق مۇناسىۋەتنى، فېئوداللارنىڭ ئوۋ ئوۋلاش، توشقان بېقىش، كەپتەر بېقىش ۋە ئەدلىيە جەھەتتىكى ئىمتىيازى بىكار قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى، ئەمەلىيەتتە پەقەت بەزى ئادەتتىكى فېئوداللىق ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەر بىكار قىلىنىپ، فېئوداللىق تۈزۈمگە تۈپتىن تېگىلمىگەنىدى.

ئاۋگسبۇرگ دىنىي سۈلھ شەرتنامىسى

  • ئاۋگسبۇرگ دىنىي سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] گېرمانىيى-دىكى پروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بەگلىكلەر مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ بىلەن تۈزگەن سۈلھ شەرتنامە. 1555-يىلى 9-ئايدا ئاۋگسبۇرگتا ئىمزالانغان. بۇ شەرتنامىدە ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنى ئاتالمىش «دىننى دۆلەتكە قاراپ بېكىتىش پرىنسىپى» نى ئېتىراپ قىلىش؛ لۇتېر مەزھىپىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى ھەقىقىي تۈردە تىكلەش (كالۋىن مەزھىپى يەنىلا قانۇنسىز ئورۇندا تۇرغان)؛ 1552-يىلقى «پاسسائۇ شەرتنامىسى» دىن بۇرۇن پروتېستانت دىنىدىكى بەگلىكلەر ئىگىلىۋالغان كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى قايتۇرۇپ بەرمەسلىك بەلگىلەنگەن. بۇ شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى پروتېستانت ۋە كاتولىك دىنىدىكى بەگلىكلەر ئارا ئۇرۇشنى ۋاقتىنچە توختاتقان بولسىمۇ، ئەمما بەگلىكلەرنىڭ ھوقۇقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەيتكەن. 

ئاۋگۇستۇس

  • ئاۋگۇستۇس[يەشمىسى:]Augustus، مىلادىدىن 63 يىل ئىلگىرىدىن مىلادى 14 يىلغىچە). قەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (مىلادىدىن 27 يىل ئىلگىرىدىن مىلادى 14 يىلغىچە). كائېسارنىڭ جىيەن نەۋرىسى (سىڭلىسىنىڭ قىزى تۇغقان)، بېقىۋالغان ئوغلى ۋە ۋارىسى. ئەسلى ئىسمى گايىئۇس ئوكتاۋىئان (Gaius Octavius)، كائېسار مىلادىدىن 44 يىل ئىلگى-رى ئۆلگەندىن كېيىن، ئىسمىنى گايىئۇس جۇلىئۇس كائېسار ئوكتاۋىئانۇس (Gaius Julius Caesar Octavianus) دەپ ئۆزگەرتكەن. كائېسار قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن، دەسلەپتە ئانتونىئۇس بىلەن قارشىلاشقان، ئارقىدىن ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ، كائېسار ئۈچۈن بىرلىكتە «ئۆچ ئالماقچى» بولغان. مىلادىدىن 43 يىل ئىلگىرى، ئانتونىئۇس، لېپىدۇسلار بىلەن كېيىنكى ئۈچلەر ئىتتىپاقىنى قۇرغان. فىلىپبى جېڭىدە (مىلادىدىن 42 يىل ئىلگىرى) برۇتۇس قاتارلىقلارنى مەغلۇپ قىلغان. ئۇ سېكتۇس پومپېئۇس بىلەن دەسلەپتە سۈلھ قىلىشقان، ئاندىن كېيىن مەغلۇپ قىلغان ھەمدە لېپىدۇسنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرغان (مىلادىدىن 36 يىل ئىلگىرى). رىمنىڭ غەربىي يېرىمىنى كونترول قىلىپ، ئۇنىڭ شەرقىي يېرىمىنى كونترول قىلغان ئانتونىئۇس بىلەن تىركەشكەن. ئۇ ئانتونىئۇسنىڭ مىسىرنىڭ ئايال پادىشاھى كلېئوپاترا Ⅶ بىلەن توي قىلغانلىقى ھەمدە رىمنىڭ شەرقتىكى زېمىنىنى ئايال پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەدىيە قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن رىم ھۆكۈمران گۇرۇھىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، رىم سېناتى بىلەن بىرلىشىپ ئانتونىئۇسقا جازا يۈرۈشى قىلغان. ئاكتىئۇم جېڭى (مىلادىدىن 31 يىل ئىلگىرى) دە غەلىبە قازانغاندىن كېيىن مىسىرغا كىرىپ، پېتولېمې سۇلالىسىنى مۇنقەرز قىلغان (مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرى)؛ رىمغا غەلىبە بىلەن قايتىپ، «ئىچكى ئۇرۇش» نى ئاخىرلاشتۇرغان ئەڭ ئاخىرقى غالىبقا ئايلانغان. ئۇ كائېسارنىڭ ساۋىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى ھاكىممۇتلەق دەپ ئاتىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئارخون (archon)، ترىبۇن (قوغدىغۇچى ئەمەلدار)، ئىمپېراتور(imperator)، باش كاھىن قاتارلىق ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. مىلادىدىن 27 يىل ئىلگىرى سېنات ئۇنىڭغا «ئاۋگۇست» (لاتىنچە سۆز بولۇپ، مەنىسى «مۇقەددەس»، «ئەڭ ھۈرمەتلىك») نامىنى بەرگەن، كېيىنكى ئەۋلادلار ئۇنى مۇشۇ نام بىلەن ئاتىغان. ئۇ شەكىل جەھەتتە ئۆلكىلەرنى سېنات بىلەن بۆلۈشۈپ ئىدارە قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە چوڭ ھوقۇقلارنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈۋالغان. ئۇ سېنات ئەزالىرىنىڭ سانى 600 نەپەر بولۇشنى بېكىتىپ، ئۆزىنى سېناتنىڭ باش ئەزاسى (Princeps Senatus) قىلىۋالغان، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق تۈزۈلمىسى «ئالىي باشلىق سىياسىيسى» ياكى «پرىنتسېپاتۇس تۈزۈمى» (Princepatus) دەپ ئاتىلىپ، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان. سېنات ئەزاسىنىڭ بىر مىليون سېستېرتىئۇس مال-مۈلكى بولۇشى، رىتسارنىڭ تۆتيۈز مىڭ سېستېرتىئۇس مال-مۈلكى بولۇشىنى، ئالىي دەرىجىلىك ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ تولاراق شۇلارنىڭ ئىچىدىن تاللىنىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىپ، ھەربىي مۇستەملىكىلەرنى كېڭەيتكەن؛ مۇھاپىزەت قوشۇنىنى قۇرۇپ، رىم ۋە ئىتالىيىدە تۇرغۇزغان. ئەمىر-پەرمان چىقىرىپ ياكى كونا تۈزۈملەرنى قايتا تەكىتلەپ، قۇللارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇپ، قۇللارنى ئازاد قىلىشنى چەكلەپ، قۇلدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغان. سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىكنى داۋاملاشتۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسپانىيىنى ئىستېلا قىلىشنى تاماملىغان، شىمالدا دوناي دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى جايلارغىچە ئىلگىرىلەپ بارغان، يېڭىدىن بىرقانچە ئۆلكىلەرنى تەسىس قىلغان؛ گېرمانلارنىڭ يەرلىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ، تېئوتو بۇرگېر ئورمانلىقىدىكى جەڭدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان (مىلادى 9-يىلى). شەرقتە پارفىيە دۆلىتى بىلەن چېگرىنىڭ تىنچلىقىنى ساقلىغان. قۇرۇلۇش بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىپ، رىم شەھىرىنى گۈللەندۈرگەن ۋە رەتلىگەن؛ ئەدەبىيات-سەنئەتنى مۇكاپاتلاپ، ئەدىبلەرنى توپلاپ، «رىمنىڭ تىنچلىقى» ۋە ئالىي باشلىقنىڭ تۆھپىسىگە مەدھىيە ئوقۇتقان؛ ئۇ تەختتە تۇرغان مەزگىل رىم ئەدەبىياتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» دەپ ئاتالغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا «ۋەتەننىڭ ئاتىسى» (مىلادىدىن 2 يىل ئىلگى-رى) دەپ تېخىمۇ ھۈرمەتلىنىپ، «بۇ دۇنيادىكى خۇدا» تەرىقىسىدە چوقۇنۇلغان. مىلادى 14-يىلى 8ئاينىڭ 19 كۈنى جەنۇبىي ئىتالىيىدىكى نولادا ئۆلگەن. «ئاۋگۇست» كېيىن رىم ئىمپېراتورلىرى ۋە غەرب پادىشاھلىرى ئادەتلەنگەن پەخرىي نامغا ئايلانغان.

ئاۋلو دۆلىتى

  • ئاۋلو دۆلىتى[يەشمىسى:] ۋيېتنامدىكى قەدىمكى دۆلەت. مىلادىدىن 257 يىل ئىلگىرى ئەنياڭ پادىشاھى (شۇ پادىشاھى زىپەن) ۋېنلاڭ قەبىلىسىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن قۇرغان. پايتەختى گولو شەھىرى. مىلادىدىن 208 يىل ئىلگىرى (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە مىلادىدىن 180 يىل ياكى 179 يىل ئىلگىرى) جۇڭگولۇق جاۋتا گۇاڭجۇنى مەركەز قىلىپ قۇرغان يەرلىك تەپرىقىچى ھاكىمىيەت. نەنيۇ تەرىپىدىن يوقىتىلغان.

ئاۋېررويى

  • ئاۋېررويى[يەشمىسى:]Averroes)ئىبنى رۇشىدنىڭ لاتىنچە ئىسمى، يەنى ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇنى ئاتىشى.

ئاۋېرېسكۇ

  • ئاۋېرېسكۇ[يەشمىسى:]Alexandru Averescu، 1859 — 1938) رومىنىيەباش ۋەزىرى(1920—1921،1926 — 1927) ۋە مارشالى. ئىزمىردىكى پومېشچىك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1866-يىلى تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەن، 1877 — 1878-يىللىرىدىكى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىغاقاتناشقان.1895— 1898-يىللىرى رومىنىيىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارى بولغان. 1907 — 1909-يىللىرى ھەربىي ئىشلار ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە ۋالاخىيە ۋە مولداۋادىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1911-يىلى باش شتابىنىڭ ئەمەلدارى بولغان. ئىككىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىدا بولغارىيە ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدە كورپۇس قوماندانى بولغان، كېيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىشقا مەسئۇل بولغان. 1919-يىلى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغاندا 1920-يىلىدىكى مەملىكەت كۆلەملىك ئومۇمىي ئىش تاشلاشنى باستۇرۇپ، ئىشچىلار ۋە دېھقانلار ھەرىكىتىگە قارشى بولغان بىر قاتار پەرمانلارنى ئېلان قىلغان. 1920-يىلى خەلق ئىتتىپاقىنى مىللىي پارتىيىگە ئۆزگەرتكەن. ئۇنىڭ پروگراممىسى لىبېراللار پارتىيىسىنىڭكىگە يېقىنلاشقان ھەمدە بۇ پارتىيىنىڭ رەھبىرى بولغان. 30-يىللاردا گېرمانىيە فاشىستلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن.

ئاۋېلۇم

  • ئاۋېلۇم[يەشمىسى:]Awelum)سۆزمۇ سۆز تەرجىمىسى «ئەرنىڭ ئوغلى» دېگەن مەنىدە. قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقى (تەخمىنەن مىلادىدىن 1894 — 1595 يىللار ئىلگىرى) دىكى بىر ئىجتىمائىي تەبىقە. ئۇلار ئومۇمەن تولۇق ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغان ئەركىن كىشىلەر بولۇپ، ئاقسۆڭەكلەر، راھىبلار، ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلار، سودىگەر جازانىخورلارنى ھەمدە ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلار ۋە مۇستەقىل قول ھۈنەرۋەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قۇللار بىلەن قارىمۇ قارشى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، باشقا بىر قىسىم ئەركىن كىشىلەر (Muskenum، مۇسكېنوم) دىن كۆزگە كۆرۈنەرلىك ھالدا ئۈستۈن تۇرغان. «خاممورابى قانۇنى»دا: ئاۋېلۇملارنىڭ قايسى ئەزاسىغا زەخمەت يەتكۈزۈلسە، زەخمەت يەتكۈزگۈچىگە شۇنىڭغا ئوخشاش زەخمەت يەتكۈزۈلىدۇ، موسكېنوملارغا زىيان يەتكۈزۈلسە جەرىمانىلا ئېلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

ئاۋېنانما تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسى

  • ئاۋېنانما تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسى[يەشمىسى:] «ئالاند تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئارال فىنلاندىيە تىلىدا Ahvenanmaa، شۋېتسىيە تىلىدا Alands دېيىلىدۇ، ئۇ بالتىق دېڭىزىدىكى فىنلاندىيە بىلەن شۋېتسىيە ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان تاقىم ئارال. يەر مەيدانى 1481 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. تەخمىنەن 22 مىڭ ئاھالىسى بار. تەخمىنەن 300 ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تاغ جىنسلىرى 6000 دىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاھالە ئولتۇراقلاشقانلىرى يۈزگە يەتمەيدۇ. ئاھالىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك شۋېتسىيە تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ئەسلى شۋېتسىيىگە قاراشلىق بولغان. 1809-يىلى فىنلاندىيە بىلەن بىرگە روسىيىگە بۆلۈپ بېرىلگەن، مەمۇرىي رايون جەھەتتە فىنلاندىيە بىلەن ئالاقە باغلىغان. فىنلاندىيە 1917-يىلى روسىيىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئارالدىكى خەلقلەر شۋېتسىيە تەرەپكە ئۆتۈش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان. فىنلاندىيە بىلەن شۋېتسىيە بۇ ئىش ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلغان. 1921-يىلى خەلقئارا ئىتتىپاق بۇ مەسىلىنى كېلىشتۈرۈپ، تاقىم ئاراللىرىنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى فىنلاندىيىگە قاراشلىق بولىدۇ، لېكىن ئارالدىكى خەلقنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. تاقىم ئاراللىرى بىتەرەپ، ھەربىي ھەرىكەتسىز رايون قىلىنىدۇ ھەمدە ساياھەت قىلىدىغان مەنزىرىلىك جايغا ئايلاندۇرۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

ئاۋېنتىن ئىتتىپاقى

  • ئاۋېنتىن ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]ئاۋېنتىن چېكىنىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىتالىيە پارلامېنت ئەزالىرى 1924-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزاسى ماتتېئوت يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن تەشكىللىگەن فاشىزمغا قارشى سىياسىي ئىتتىپاق. رىۋايەتتىكى قەدىمكى رىم پۇقرالىرىنىڭ ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشىغا تەقلىد قىلىپ ئاۋېنتىن تۆپىلىكىگە چېكىنگەنلىكتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، لىبېراللار پارتىيىسى ۋە خەلق پارتىيىسى قاتارلىقلاردىكى ئوتتۇرا ۋە سول گۇرۇھتىن تەخمىنەن جەمئىي 150 كىشى قاتناشقان. ئامېندولا (Giovanni Amendola، 1882 — 1926) رەھبەرلىك قىلغان. ئۇلار پارلامېنتتىن چېكىنىپ چىقىپ، ئىتالىيە پادىشاھىنى مۇسسۇلىنىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشقا مەجبۇرلىغان. لېكىن جامائەت پىكىر ھازىرلىمىغان، بولۇپمۇ ئىش تاشلاش قاتارلىق كۈچلۈك كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارمىغان، ئۇزاق ئۆتمەي ئىچكى قىسىمدىمۇ بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1926-يىلى باستۇرۇلغان.

ئاۋېستا

  • ئاۋېستا[يەشمىسى:]Avesta) پېرسىيىنىڭ قەدىمكى كالامى. زورو ئاستېر دىنى (ئاتەش دىنى) نىڭ مۇقەددەس كىتابى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭدا زورو ئاستېرنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۇنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرى خاتىرىلەنگەن. بۇ دىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىي رايونىدا پەيدا بولۇپ، كېيىن ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. ئاۋېستا قەدىمكى زاماندىكى شەرقىي ئىران شىۋىسىدا يېزىلغان بولۇپ، مەزمۇنى دىنىي ئەپسانە، ئەمرىمەرۇپ، مەدھىيە، دۇئا-تىلاۋەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ قەدىمكى قىسمى مەدھىيە «گاتخاس» (ئىلاھقا مەدھىيە) تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە يېزىلغان (بەزى ئالىملار ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن يېزىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپقارايدۇ). Ⅲ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىردىكى پېرسىيە ساسسان خاندانلىقى دەۋرىگىچە كىتاب بولۇپ شەكىللەنگەن. ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان «<ئاۋېستا> ھەققىدە ئىزاھات» قەدىمكى زاماندىكى پېرسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخ-مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

ئاۋسترالىيە-يېڭى زېلاندىيە جۈنتۇەنى

  • ئاۋسترالىيە-يېڭى زېلاندىيە جۈنتۇەنى[يەشمىسى:]ئەسلى 1915-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى گاللىپولى يېرىم ئارىلى (Gallipoli، ھازىرقى تۈركىيە زېمىنىدا) دا قۇرۇقلۇققا چىقىپ جەڭ قىلغان ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە قوشۇنلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. كېيىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئاۋسترالىيە-يېڭى زېلاندىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ قالغان. ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر قوشۇنلىرىنىڭ ئۇرۇشتا بولۇپمۇ گاللىپولى ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە ئوخشاشلا 4-ئاينىڭ 25-كۈنىنى «ئاۋسترالىيە-يېڭى زېلاندىيە جۈنتۇەنى كۈنى» قىلىپ بەلگىلەپ، ھەر يىلى خاتىرە پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرغان.

ئاۋسترالىيە-يېڭى زېلاندىيە كېلىشىمى

  • ئاۋسترالىيە-يېڭى زېلاندىيە كېلىشىمى[يەشمىسى:]كانبېرا شەرتنامىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1944-يىلى ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيە ئىمزالىغان رايون خاراكتېرلىك شەرتنامە. 1941-يىلى تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ياپونىيە قوشۇنى جەنۇبقا قاراپ تاجاۋۇز قىلغان، ئەنگلىيە شەرققە ئېتىبار بېرىشكە ئامالسىز قالغان. ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيە ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىغا بولغان تەسىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كانبېرادا شەرتنامە ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق-نى كۈچەيتىشكە بەل باغلىغان ھەمدە تاشقى كۈچلەرنىڭ بۇ رايوننىڭ ئىشلىرىغا مۇداخىلە يۈرگۈزۈشىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونى بويىچە مەسلىھەت كومىتېتى قۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن، 1946-يىلى لوندوندا چاقىرىلغان ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ زۇڭلىلىرى يىغىنىدا يۇقىرىقى تەكلىپ مۇھاكىمە قىلىنغان، كېيىن جەنۇبىي تىنچ ئوكيان كومىتېتى قۇرۇلغان.

ئاۋسترو-ۋېنگر ئىمپېرىيىسى

  • ئاۋسترو-ۋېنگر ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:]1867-يىلى ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە ھۆكۈمرانلار سىنىپى ئارىسىدىكى كېلىشىم بويىچە، ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىككى مەنبەلىك ئىمپېرىيە. ئاۋسترىيە 1866-يىلىدىكى پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، مەملىكەت ئىچىدىكى مىللىي زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، ۋېنگرىيە ئاقسۆڭەك-پومېشچىكلىرى بىلەن مۇرەسسەلىشىشكە مەجبۇر بولغان. 1867-يىلى 5-ئايدا ئىمپېرىيە پارلامېنتىنى چاقىرىپ، «ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە كېلىشىمى» نىڭ شەرتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان، 6-ئايدا ۋېنگرىيە پارلامېنتى كېلىشىم ماددىلىرىغا قوشۇلۇپ، ئىككى تەرەپ كېلىشىمنامە تۈزۈشكەن. كېلىشىمگە ئاساسەن، ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسى ئىككى مەنبەلىك تۈزۈمدىكى پادىشاھلىق دۆلەتكە ئۆزگەرتىلىپ، ئاۋسترو-ۋېنگر ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغان. ئىمپېرىيە لېتا دەرياسىنى چېگرا قىلىپ ئىچكى لېتانىيە ۋە تاشقى لېتانىيىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا ئايرىلغان. ئالدىنقىسى ئاۋسترىيە، چېخىيە، مولاۋىيە، سىلېسىيە، دارماتىيە، گالتسىيە، بۇگۋىنا، ئىسدىلىيە ۋە دىرىياست قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ كېيىنكىسى ۋېنگرىيە پادىشاھلىقى بولۇپ، ۋېنگرىيە، سلوۋاكىيە، كرودىيە، سلوۋىنىيە ۋە ترانسىۋانىيە قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىمپېرىيىنىڭ ئالىي باشلىقى ئاۋسترىيە ئىمپېراتورى بولۇپ، قوشۇمچە ۋېنگرىيە كورۇلى دەپ ئاتالغان. ئىمپېرىيىدە مالىيە مىنىستىرلىكى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ھەربىي مىنىستىرلىكتىن ئىبارەت 3 مىنىستىرلىك تەسىس قىلىنغان. دۆلەتنىڭ مالىيە چىقىمىنى ئاۋسترىيەبىلەنۋېنگرىيە7:3 نىسبىتى بويىچە تەڭ كۆتۈرۈپ، ھەر ئون يىلدا بىر قېتىم تەڭشەلگەن. ئاۋسترىيە بىلەن ۋېنگرىيىدە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتى تەسىس قىلىنغان. ئىككى دۆلەت پارلامېنتلىرى ھەر يىلى ئۆز ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىپ، ئورتاق ئىشلارنى بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغانلىقى ۋە مەملىكەت ئىچىدە ئىشچىلار ھەرىكىتى، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئەۋج ئالغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئىمپېرىيە 1918-يىلى پارچىلىنىپ، ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيىدىن ئىبارەت 3 دۆلەت قۇرۇلغان. بىر قىسىم زېمىنى پولشا ۋە يۇگوسلاۋىيىگە قايتۇرۇلغان.

ئاۋسترىيە بىرىنچى جۇمھۇرى يىتى

  • ئاۋسترىيە بىرىنچى جۇمھۇرى يىتى[يەشمىسى:]ئاۋسترىيىدە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان بۇرژۇئازىيە جۇمھۇرىيىتى. 1918-يىلى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، مەملىكەت ئىچىدىكى خەلق ئىنقىلاب قوزغاپ، خابسبۇرگ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 1918-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاۋسترىيە ۋاقىتلىق پارلامېنتى «گېرمان-ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيىتى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1919-يىلى 3-ئايدا پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىپ، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن خرىستىئان سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭ قانات داھىيسى كارل رېننېر دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىسى بولغان. 1919-يىلى 9-ئايدا «مۇقەددەس گېرمان سۈلھ شەرتنامىسى» گە ئاساسەن، نامى «ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيىتى» گە ئۆزگەرتىلگەن. فاشىستلار گېرمانىيىسى 1938-يىلى 3-ئايدا ئاۋسترىيىنى يۇتۇۋالغاندا، جۇمھۇرىيەت مۇنقەرز بولغان.

ئاۋسترىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى

  • ئاۋسترىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى[يەشمىسى:]1740 — 1748-يىللاردا ئاۋسترىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇرۇش. ئاۋسترىيە ئىمپېراتورى چارلېس Ⅵ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى بولمىغانلىقتىن قىزى مارىيە تېرېسسا 1713-يىلىدىكى «دۆلەت پەرمانى» غا ئاساسەن دادىسىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان. پرۇسسىيە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خابسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ خوجىلىق يېرىنى بۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنغانھەمدە1740-يىلى 12-ئايدا سىلېسىيىگە ئەسكەر چىقىرىپ، ئاۋسترىيە بىلەن ئۇرۇشقان. 1741-يىلى پرۇسسىيە، باۋارىيە، ساكسۇنىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، نېئاپول، ساردىنىيە ۋە شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئاۋسترىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن؛ ئەنگلىيە، گوللاندىيە ۋە روسىيىلەر ئاۋسترىيىنى قوللىغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇرۇش ياۋروپا ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كەتكەن، ھەتتا ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىلىرى (ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ھىندىستان) غىمۇ چېتىلغان. 1742-يىلى پرۇسسىيە ئاۋسترىيىنى يېڭىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆز ئالدىغا شەرتنامە تۈزۈپ، تۆۋەنكى سىلېسىيىگە ئىگە بولغان. 1744-يىلى پرۇسسىيە ئاۋسترىيىدىن ئۈستۈنكى سىلېسىيىنى كېسىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇرۇشنى يېڭىباشتىن قوزغىغان. 1745-يىلى ئاۋسترىيىنى يەنە مەغلۇپ قىلىپ، ئىتتىپاقچىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ، ئۆز ئالدىغا ئاۋسترىيە بىلەن «درېسدېن شەرتنامىسى» نى تۈزۈپ، ئۈستۈنكى سىلېسىيىنى تارتىۋالغان ۋە مارىيە تېرېسسانىڭ كورۇللۇق تەخت ۋارىسلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. 1748-يىلى «ئاچېن سۈلھ شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ، مارىيە تېرېسسا تەخت ۋارىسى ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما كەڭ زېمىنىدىن ئايرىلغان. پرۇسسىيە سىلېسىيىنى ئىگىلەپ، ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان.

ئاۋسترىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى

  • ئاۋسترىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:]ئاۋسترىيە بىلەن تۈركىيىنىڭ ۋېنگرىيە ۋە بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى جايلارنى تالىشىپ، ⅩⅥ ئەسىردىن ⅩⅧ ئەسىرگىچە ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى.ⅩⅤ—ⅩⅣ ئەسىردە، تۈركىيە بالقاندىكى كۆپ قىسىم رايونلارنى ئىشغال قىلىۋالغان ھەمدە ۋېنگرىيە بىلەن ئاۋسترىيىگە دائىم تاجاۋۇز قىلغان. چوڭ ئۇرۇش تۆت قېتىم بولغان:(1)1683 — 1699-يىللاردىكى ئۇرۇش: تۈركىيە فرانسىيىنىڭ كۈشكۈرتۈشى ئارقىسىدا، ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغىغان. 1683-يىلى 7-ئايدا تۈركىيە ئارمىيىسى ئاۋسترىيىنىڭ پايتەختى ۋېنانى قورشىۋالغان. ئاۋسترىيە ئىمپېراتورى قېچىپ كەتكەن، ئەمما ۋېناخەلقى قوزغىلىپ تۈركلەرگە قارشىلىق كۆرسەتكەن. 9-ئايدا پولشا كورۇلى يان سوبسكى ۋە بادېن گرافى، رودېن كىنەزى ياردەمگە قوشۇن ئەۋەتىپ، تۈركىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ۋېنانى قۇتقۇزۇۋالغان. 1686-يىلى ئاۋسترىيە، پولشا ۋە روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئوڭشىۋالغان. 1697 -يىلى زېنتا(Zenta، ھازىرقى يۇگوسلاۋىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تىسا دەرياسىنىڭ يېنىدا) جېڭىدە ئاۋسترىيە قوشۇنى غەلىبە قىلغان. 1699-يىلى 1-ئايدا تۈركىيە «كارلوۋاس سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان. بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن، ئەسلىدە تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان ۋېنگرىيە، ترانسلۋانىيە(باراتتىن باشقا)، كرودىيە ۋە سلوۋىنىيىلەر ئاۋسترىيىگە قوشۇۋېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ئاخىرلاشقان.(2)1716 — 1718-يىللاردىكى ئۇرۇش: 1716-يىلى ئاۋسترىيە ئارمىيىسى تۈركىيە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مولداۋىيە، ۋالاخىيە ۋە بوسىنىيىلەرنى ئىشغال قىلغان. 1717-يىلى 8-ئايدا يەنە تۈركىيىنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى ئاساسىي تايانچ بازىسى بېلگرادنى ئېلىپ، تۈركىيىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلغان. 1718-يىلى 7-ئايدا ئىككى دۆلەت «پوزارېۋاس سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن، ئاۋسترىيە تۈركىيىدىن بارات، سېربىيىنىڭ شىمالىي قىسمى(بېلگرادنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بوسىنىيىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە سلوۋىنىيە، ۋالاخىيىلەرنىڭ بىر قىسىم زېمىنىنى تارتىۋالغان. شۇنداقلا تۈركىيە بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئوسمانىيە ئىمپېرىيىسى ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدا ئەركىن سودا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.(3)1737—1739-يىللاردىكى ئۇرۇش: ئاۋسترىيە بىلەن روسىيىنىڭ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشى بولۇپ، 1737-يىلى ئاۋسترىيە ئىتتىپاقداش دۆلەت سۈپىتىدە روسىيىگە ياردەم بېرىپ، روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى (1735 — 1739) غا قاتناشقان. ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن ئاۋسترىيە ئارمىيىسى ئۇدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. 1739-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاۋسترىيە تۈركىيە بىلەن «بېلگراد سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، 1718-يىلىدىكى «پوزارېۋاس سۈلھ شەرتنامىسى» غا ئاساسەن ئىگە بولغان زېمىننىڭ تولىسىدىن (بېلگرادنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولۇپ، ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىققان.(4)1788—1790-يىللاردىكى ئۇرۇش: ئاۋسترىيە بىلەن روسىيىنىڭ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشى بولۇپ، ئاۋسترىيە روسىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، 1788-يىلى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى (1787 — 1791) غا قاتناشقان. دەسلەپتە ئاۋسترىيە ئارمىيىسى ئۇدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان، كېيىن روسىيە ئارمىيىسىنىڭ غەلىبىسى ئاۋسترىيە ئارمىيىسىگەئۈستۈنلۈكيارىتىپبەرگەن.1789-يىلى ئاۋسترىيە ئارمىيىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۇخارىست، بېلگراد قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلغان. ئەمما 1790-يىلى 4-ئايدا ئەنگلىيە بىلەن پرۇسسىيىنىڭ بېسىمى ئاستىدا تۈركىيە بىلەن سۈلھ شەرتنامىسى تۈزگەن. بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن، ئاۋسترىيە ئارمىيىسى بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئىشغال قىلغان جايلارنىڭ ھەممىسىدىن (خودىن قەلئەسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن باشقا) چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئۇرۇشتىن چېكىنگەن.

ئاۋسترىيە دۆلەت شەرتنامىسى

  • ئاۋسترىيە دۆلەت شەرتنامىسى[يەشمىسى:]تولۇق نامى «مۇستەقىل ۋە دېموكراتىك ئاۋسترىيىنى يېڭىباشتىن قۇرۇش دۆلەت شەرتنامىسى». سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە تۆت دۆلەت ئاۋسترىيە بىلەن 1955-يىل5-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋېنادا ئىمزالىغان. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى يۇگوسلاۋىيە بۇ شەرتنامىگە قاتناشقان. ئاۋسترىيە 1938-يىلى 3-ئايدا گىتلېر گېرمانىيىسى تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا گېرمانىيىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قاتناشقان ھەمدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان، ئۇرۇشتىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە تۆت دۆلەت تەرىپىدىن رايونغا ئايرىپ ئىشغال قىلىنغان. بۇ شەرتنامىدە ئاۋسترىيىنىڭ يېڭىباشتىن مۇستەقىل بولىدىغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: (1) ئاۋسترىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ قوشۇلۇشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئاۋسترىيە بۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيە بىلەن ھېچقانداق ئىتتىپاق تۈزمەيدۇ؛ (2) ئاۋسترىيىدە دېموكراتىك ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىنىپ، خەلقنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ (3) ئاۋسترىيە زېمىنىدىكى بارلىق ناتسىست تەشكىلاتلار تارقىتىۋېتىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ قايتا تىرىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ (4) ئاۋسترىيىنىڭ ئاتوم قوراللىرى ۋە بۇ شەرتنامىدە بەلگىلەنگەن باشقا قوراللارغا ئىگە بولۇشى، ياسىشى ۋە سىناق قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ (5) 1946-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى ئاۋسترىيىنى ئىدارە قىلغۇچى ئاپپاراتلار توغرىسىدىكى كېلىشىم، بۇ شەرتنامە كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، ئاۋسترىيىدە تۇرۇشلۇق ئىتتىپاقداش قوشۇنلار كېچىككەندىمۇ 1955-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى چېكىندۈرۈپ بولۇنىدۇ؛ (6) دوناي دەرياسىدا قاتناش ئەركىنلىكى ۋە مال-مۈلۈك، ئىقتىسادىي مەسىلىلەر قاتارلىقلارغا ئائىت باشقا بەلگىلىمىلەر. شۇ يىلى 10-ئايدا ئاۋسترىيە ئۆزىنىڭ مەڭگۈ بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقى، ھەر- قانداق ھەربىي گۇرۇھلارغا قاتناشمايدىغانلىقى، ئۆز زېمىنىدا چەت ئەل ھەربىي بازىلىرىنى قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئاۋسترىيە رومىنىيە شەرتنامىسى

  • ئاۋسترىيە رومىنىيە شەرتنامىسى[يەشمىسى:] 1883-يىل 10-ئاينىڭ 30 كۈنى ئاۋسترو- ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن رومىنىيە ۋېنادا ئىمزالىغان مەخپىي شەرتنامە. ئۇنىڭدا رومىنىيىنىڭ ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ، روسىيىگە بىرلىكتە قارشى تۇرىدىغانلىقى؛ ئىككى تەرەپنىڭ زور خەلقئارا مەسىلىلەر ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشى بەلگىلەنگەن. 1888-يىلى گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە ئالاھىدە بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق بۇ شەرتنامىگە قاتناشقان. 1892-يىلى ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى رومىنىيە بىلەن يەنە مەزمۇنى ئوخشىشىپ كېتىدىغان يېڭى شەرتنامىنى ئىمزالاپ، 1896-يىلى ئۇنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتقان. رومىنىيە تەدرىجىي ھالدا ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرگە مايىل بولغانلىقتىن، بۇ شەرتنامە يەنە 1902، 1913-يىللاردا ئىككى قېتىم قايتىدىن تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي ئەھمىيىتىنى يوقاتقان.

ئاۋسترىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى

  • ئاۋسترىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى[يەشمىسى:]ئاۋسترىيە ئىشچىلار پارتىيىسى. 1888-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 1889-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ھايئىنفېروردا ئۆتكۈزۈلگەن پۈتكۈل ئاۋسترىيە سوتسىيالىزمچىلىرى بىرلەشكەن قۇرۇلتىيىدا قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. ئاساسىي رەھبەرلىرى ۋىكتور ئادلېر، ئوتو بائۇئېر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. قۇرۇلتاي 7 ماددىلىق «پرىنسىپ خىتابنامىسى»نى پارتىيە پروگراممىسى قىلىپ ماقۇللاپ، سىياسىي ئەركىنلىك؛ ئومۇميۈزلۈك، باراۋەر ۋە بىۋاسىتە سايلام ھوقۇقى، مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەرلىكى؛ ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىش ۋە كەڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەلەپ قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. پروگرامما پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان. 1895-يىلىدىن كېيىن بېرنېشتېين رېۋىزىئونىزملىق ئىدىيىۋى ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.1897 يىلى ۋىمبۇرگ قۇرۇلتىيىدا 6 مۇستەقىل مىللىي گۇرۇھقا پارچىلىنىپ كەتكەن. 1899-يىلى برۇينن (Brйnn، يەنە برنو Brno — دەپمۇ ئاتىلىدۇ) پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بۇرژۇئازىيە مىللەتچىلىرى بىلەن مۇرەسسەلىشىدىغان مىللىي پروگرامما ماقۇللىنىپ، «مىللىي مەدەنىيەت ئاپتونومىيىسى» دېگەن خاتا تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 1901-يىلى ۋېنادا چاقىرىلغان ئىككىنچى قېتىملىق بىرلەشمە پارتىيە قۇرۇلتىيىدا «پرىنسىپ خىتابنامىسى» ئۆزگەرتىلىپ، يېڭى پارتىيە پروگراممىسى ماقۇللانغان، ئۇنىڭدا پرولېتارىيات ئىنقىلابى ئىنكار قىلىنىپ، پارلامېنت يولى ۋە «سوتسىيالىزمغا تىنچ ئۆسۈپ كىرىش» قاتارلىق ئىدىيىلەر تەرغىپ قىلىنغان، ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش پارتىيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى قىلىنىپ، ماركسىزمنىڭ ئىنقىلابىي تەلىماتىغا «تۈزىتىش كىرگۈزۈش» ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە شوۋىنىزملىق مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمىتى يۈرگۈزگەن ئۇرۇش سىياسىتىنى ئاشكارا قوللىغان ھەمدە 1918-يىلى 10 -ئايدا بۇرژۇئازىيە ھۆكۈمىتىگە قاتناشقان. 1919 — 1920-يىللاردا بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە رەھبەرلىك قىلغان. 1934-يىلى 2-ئايدا مەنئى قىلىنغان. كېيىن ئۇنىڭ سول قانىتى ئىنقىلابىي سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى تەشكىللەپ، گېرمانىيە ئىشغالىيىتى مەزگىلىدە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان، ئوڭ قانىتى گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان. 1945-يىلى ئاۋسترىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان.

ئاۋسترىيە-سېربىيە شەرتنامىسى

  • ئاۋسترىيە-سېربىيە شەرتنامىسى[يەشمىسى:] 1881-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى سېربىيە بىلەن بېلگرادتا ئىمزالىغان مەخپىي شەرتنامە. مۇددىتى 10 يىل. ئۇنىڭدا سېربىيىنىڭ ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي شەرتنامە ئىمزالىشىغا بولمايدىغانلىقى، چەت ئەل قوراللىق قىسىملىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىشىگە ۋە ئۇنىڭ زېمىنىدا ئاۋسترىيىگە قارشى ھەرقانداق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئاۋسترىيە سېربىيىنىڭ پادىشاھلىق دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان ھەمدە سېربىيىنىڭ جەنۇبىي چېگرىنى كېڭەيتىشىنى قوللاشقا ۋەدە بەرگەن. 

ئاۋسترىيە مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ مەركىزىي سىياسىي كومىتېتى

  • ئاۋسترىيە مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ مەركىزىي سىياسىي كومىتېتى[يەشمىسى:][奥地利国民自卫军中央政治委员会]ئاۋسترىيىدىكى 1848-يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە، مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسى بىلەن ئىنستىتۇت ئارمىيىسىنىڭ ئىنقىلابىي رەھبەرلىك ئورگىنى. 1848-يىلى 4-ئايدا ۋېنادا قۇرۇلغان. ئۇ ۋېنا خەلقى ۋە ئۇنىڭ ئىنقىلابىي ھەربىي تەشكىلاتىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، دېموكراتىيە پرىنسىپىنى قوغدىغان، خان جەمەتى تۈزگەن ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىغا قارشى تۇرۇپ، بىر پالاتالىق پارلامېنت ۋە ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. شۇ يىلى 5-ئاينىڭ بېشىدا ھۆكۈمەت بۇ كومىتېتقا ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كېتىشنى بۇيرۇغان ھەمدە قورال كۈچىئارقىلىقتەھدىت سالغان.5-ئاينىڭ 15-كۈنى كومىتېت نەچچە مىڭ كىشى قاتناشقان خەلق نامايىشىنى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتنى كومىتېتنى تارقىتىۋېتىش بۇيرۇقىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر قىلغان ھەمدە ئاساسىي قانۇننىڭ بەزى ماددىلىرىنى دەرھال ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغان قويغان. شۇنداقلا ۋېنادىكى ماي قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، 15-ماي ۋە 26-ماي غەلىبىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن. 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئامانلىقنى ساقلاش كومىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ۋېنانىڭ تەرتىپىنى ساقلاش ۋە خەلقنىڭ ھوقۇقلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مەسئۇل بولغان، ئەمما ئۇنىڭ تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، ئىچكى زىددىيەت كۈنسايىن ئۆتكۈرلىشىپ، تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالمىغان. ھۆكۈمەت 8-ئايدا ئىشچىلار ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، بايانات ئېلان قىلىپ ئۆزلۈكىدىن تارقالغان.

ئاۋسترىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتى

  • ئاۋسترىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:]1945-يىلى فاشىستلار گېرمانىيىسى گۇمران بولۇشقا يېقىنلاشقان چاغدا، ئاۋسترىيە بۇرژۇئازىيىسى قۇرغان جۇمھۇرىيەت. 1945-يىل 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، كارل رېننېر سوۋېت ئارمىيىسى ئۆتكۈزۈۋالغان رايوندا ئاۋسترىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، ئاۋسترىيە خەلق پارتىيىسى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە قاتناشقان بىرىنچى نۆۋەتلىك ۋاقىتلىق بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى تەشكىللىگەن ۋە ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭىباشتىن قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 9-ئايدا ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق دائىرىسى غەرب ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى رايونغىچە كېڭىيىپ، يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەت رەسمىي قۇرۇلغان ۋە ئاۋسترىيىنىڭ ئىتتىپاق جۇمھۇرىيىتى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان. 12-ئايدا ئىتتىپاق پارلامېنتى كارل رېننېرنى جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭلۇقىغا، لېئوپولد فېگېلنى ئىتتىپاق زۇڭلىلىقىغا سايلىغان. ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى 1955-يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىلەر بىلەن «مۇستەقىل ۋە دېموكراتىك ئاۋسترىيىنى يېڭىباشتىن قۇرۇش دۆلەت شەرتنامىسى» (يەنى «ئاۋسترىيە دۆلەت شەرتنامىسى») نى ئىمزالاپ، ئاۋسترىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ھەمدە 1939-يىلقى دۆلەت چېگرىسىنىڭ ئىچىدىكى زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلايدىغانلىقى، گېرمانىيە بىلەن ھەرقانداق سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىتتىپاق تۈزۈشنىڭ مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 6-ئاينىڭ 7-كۈنى مىللىي پارلامېنت ئاۋسترىيىنىڭ «مەڭگۈ بىتەرەپ» تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 10-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىلەرنىڭ ئىشغالىيەتچى قوشۇنلىرى ئاۋسترىيىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىققان. 

ئاۋسترىيىنىڭ 1848-يىلدىكى ئىنقىلابى

  • ئاۋسترىيىنىڭ 1848-يىلدىكى ئىنقىلابى[يەشمىسى:]ئاۋسترىيىدىكى فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمىگە قارشى بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى. 1848-يىلى فرانسىيە فېۋرال ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ۋېنا خەلقى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مېتتېرنىخ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ۋە ئاۋسترىيە ئىمپېراتورىنى ئىنستىتۇت ئارمىيىسى ۋە مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنى قۇرۇش، ئىچكى كابىنېتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كېڭىشىنى ئېچىشقا قوشۇلۇشقا مەجبۇر قىلغان. 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلان قىلىنغان ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسى ئاساسىي قانۇنى خەلقنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمىغانلىقتىن، ۋېنا خەلقى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋە 26-كۈنى يەنە نامايىش قىلىپ ۋە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئاۋسترىيە ئىمپېراتورىنى ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنى ۋېنادىن قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىمپېرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى چېخىيە ۋە ۋېنگرىيىلەردىمۇ ئىنقىلاب پارتلاپ ھەمدە مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى قوزغىلىپ، ئاۋسترىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. 6-ئايدا ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى يېڭى سايلام قانۇنىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلغان. ئەمما خان جەمەتى باشچىلىقىدىكى فېئودال كۈچلەر لىبېرال بۇرژۇئازىيىنىڭ مۇرەسسەچىلىكى ۋە خائىنلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق كۈچ تەشكىللەپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. 6-ئايدا پراگا قوزغىلىڭىنى باستۇرغان؛ 8-ئايدا مىلاننى ئىشغال قىلىپ، ئىتالىيە ئىنقىلابىنى باستۇرغان. كېيىن يەنە پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋېنگرىيە ئىنقىلابىنى باستۇرۇپ، ۋېنا خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان، ۋېنا خەلقى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ھەربىي قورال-ياراق ئامبىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئاۋسترىيە ئىمپېراتورىنى پايتەختتىن يەنە قوغلاپ چىقارغان، ھاكىمىيەت ئۇششاق بۇرژۇئازىيە دېموكراتلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن. قوزغىلاڭچىلاردا دېھقانلار بىلەن ۋە ۋېنگرىيە ئىنقىلابچىلىرى بىلەن بىرلىشىش كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن،10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەكسىيەتچى ئارمىيە تەرىپىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇلغان. ئاۋسترىيە ئىنقىلابى ئىمپېرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاۋسترىيە فېئودال يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ گۇمران بولۇشىنى تېزلەتكەن.

ئاۋىس خاندانلىقى

  • ئاۋىس خاندانلىقى[يەشمىسى:]پورتۇگالىيىدىكى فېئودال خاندانلىق (1385 — 1580). ئاۋىس رىتسارلار پولكىنىڭ سەردارى جۇئان قۇرغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ خاندانلىق ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە پورتۇگالىيە تەدرىجىي ھالدا كىنەزلىك تۈزۈمدىن پادىشاھلىق مۇستەبىت تۈزۈمگە ئۆتكەن. بۇ دەۋردىكى كورۇللار ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغانيىللىرى مۇنداق: جۇئانⅠ(1385— 1433)، دۇئارت (1433 — 1438)، ئالفونسو Ⅴ (1438 — 1481)، جۇئان Ⅱ (1481 — 1495)، مانۇئېل Ⅰ (1495 — 1521)، جۇئان Ⅲ(JoaoⅢ، 1521 — 1557)، سېباستىئان (Sebastian، 1557 — 1578)، ھېنرى (Henrique، 1578 — 1580). 1580-يىلى ئىسپانىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ پورتۇگالىيە پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋالغان. ئاۋىس خاندانلىقى ئاياغلاشقان.

ئاۋىس رىتسارلار پولكى

  • ئاۋىس رىتسارلار پولكى[يەشمىسى:] پورتۇگالىيىنىڭ دىنىي خاراكتېردىكى فېئوداللىق ھەربىي تەشكىلاتى. 1162-يىلى قۇرۇلغان، شۇ يىلى پورتۇگالىيە پادىشاھى ئالفۇنسۇ Ⅰ ئۇلارغا ئاۋىس (Avis ياكى Aviz)شەھىرىنى ھەدىيە قىلىپ بەرگەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇلار پورتۇگالىيىدىكى قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان. 1385-يىلى ئۇلارنىڭ سەردارى جۇئان ئاۋىس خاندانلىقىنى قۇرغان. 1789-يىلى دەھرىي تەشكىلاتىغا ئۆزگەرتىلگەن.

ئاۋىسېننا

  • ئاۋىسېننا[يەشمىسى:]Avicenna) ئىبن سىنانىڭ لاتىنچە ئىسمى، ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇنى ئاتىشى.

ئاياكوچۇ خىتابنامىسى

  • ئاياكوچۇ خىتابنامىسى[يەشمىسى:]لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى خىتابنامىسى. 1974-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، پېرۇ، ۋېنېسۇئېلا، پاناما، بولىۋىيە، ئارگېنتىنا، ئېكۋادور، كولومبىيە ۋە چىلىدىن ئىبارەت سەككىز دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ۋە ۋەكىللىرى پېرونىڭ پايتەختى لىمادا ئاياكۇچو جېڭىنىڭ 150 يىللىقىنى خاتىرىلىگەندە ئىمزالىغان. خىتابنامىدە لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىش، بېقىندىلىق ھالەتتىن قۇتۇلۇش، ھەرقايسى ئەللەر ئىقتىسادىي ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ لاتىن ئامېرىكىسىدا ساقلىنىۋاتقان مۇستەملىكىچىلىك ھالەتنى دەرھال تۈپتىن يوقىتىش؛ ئۆز مەملىكىتىنىڭ تەبىئىي بايلىق مەنبەسىگە ئىگىلىك ھوقۇقى يۈرگۈزۈپ، خام ئەشيالىرىنىڭ باھاسىنى قوغداش، چەت ئەل كاپىتالىنى چەكلەش ۋە چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ پائالىيىتىنى كونترول قىلىش؛ ئادىللىق، باراۋەرلىك، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا يېڭى خەلقئارالىق ئىقتىسادىي تەرتىپ ئورنىتىش تەكىتلەنگەن.

ئاياكۇچۇ جېڭى

  • ئاياكۇچۇ جېڭى[يەشمىسى:]لاتىن ئامېرىكىسى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدىكى مەشھۇر جەڭ. بۇ جەڭ پېرۇنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسىم ئېگىزلىكىدىكى قەدىمىي شەھەر ئاياكۇچۇ (Ayacucho) ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىكتە ئېلىپ بېرىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1824-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى ئاساسىي كۈچنى توپلاپ ئېگىزلىكنى ئىشغال قىلغان ھەمدە ئاتلىق ئەسكەرلەر قىسمى، 13 توپچىلار باتالىيونى ماسلاشقان. توققۇز مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىي كۈچى بىلەن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى يوقاتماقچى بولغان. ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى گېنېرال سۇكرىنىڭ باشچىلىقىدا، ئاز بىلەن كۆپنى يەڭگەن. ئىسپانىيە ئارمىيىسى پۈتۈن سەپتە مەغلۇپ بولۇپ، باش ۋالىي يوسې دې لا سېرنا (Jose de la Serna) تۆت مارشالى، ئون گېنېرالى ۋە ئىككى مىڭ ئەسكىرى بىلەن ئەسىرگە چۈشكەن. بۇ قېتىمقى جەڭ ئىسپانىيىگە قاراشلىق جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىكىگە كاپالەتلىك قىلغان جەڭ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئايبەك

  • ئايبەك[يەشمىسى:] Qutb ud Din Aibak، 1210 — ؟) ھىندىستان دېھلى سۇلتانلىقى قۇللۇق خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئەسلىدە گور خاندانلىقىنىڭ سۇلتانى مۇھەممەدنىڭ قۇلى بولۇپ، ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن قوماندانلىققا ئۆستۈرۈلگەن ھەمدە خوجايىنىغا ئەگىشىپ ھىندىستاننى بويسۇندۇرغان.1192-يىلى بۇيرۇققا بىنائەن شىمالىي ھىندىستاندىكى يېڭىدىن بويسۇندۇرۇلغان رايونلارنى ساقلاشقا قالغان، 1193-يىلى دېھلىغا ھۇجۇم قىلىپ، گانگ (Gange) دەرياسى بىلەن جۇمنا دەرياسى ئارىلىقىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلغان، ھىندىستاننىڭ راجپۇت بەگلىكىگە ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ، كۈچ -قۇدرىتىنى كېڭەيتكەن. 1206-يىلى سۇلتان مۇھەممەد ئۆلتۈرۈلۈپ، دېھلىدا ئۆزىنى سۇلتان دەپ جاكارلاپ، مۇستەقىل بولغان. 

ئايدىت

  • ئايدىت[يەشمىسى:]Dipa Nusantara Aidit، 1923 — 1965) ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى (1959 —1967)، جەنۇبىي سۇماترادىكى بانكا ئارىلىدا تۇغۇلغان. سودا ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1939-يىلىدىن باشلاپ مىللىي ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىپ جاكارتا «شەرق ياشلار ئىتتىپاقى» غا قاتناشقان ھەمدە ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان.1940— 1942-يىللىرى ھىندۇنېزىيە خەلق ھەرىكىتى پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى بولغان. 1943-يىلى ئەينى مەزگىلدە يوشۇرۇن ھالەتتىكى ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. شۇ يىلى فاشىزمغا قارشى تەشكىلات «ھىندۇنېزىيىنى مۇستەقىللىككە ئېرىشتۈرۈش ھەرىكىتى»نى تەشكىللەشكە قاتناشقان ھەمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھىندۇنېزىيىنىڭ مۇستەقىللىكى ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. 1945-يىلى 8-ئايدا ھىندۇنېزىيە مۇستەقىللىك جاكارلىغاندىن كېيىن، ھىندۇنېزىيە ياشلار ئىتتىپاقىنى تەشكىللىگەن ھەمدە ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.1947-يىلى ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى بولغان، 1947 — 1948-يىللىرى ھىندۇنېزىيە خەلق دېموكراتىيىسى سېپىنىڭ شۇجىسى بولغان.1948-يىلى ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1951-يىلى ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى شۇجىلىقىغا سايلانغان. 1954-يىلى ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1959-يىلدىن باشلاپ ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1961-يىلى مىللىيسەپنىڭمۇئاۋىنرەئىسىبولغان.1963-يىلى ۋاقىتلىق خەلق كېڭىشى دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان. كۆپ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن.1965-يىلى «سېنتەبر» ۋەقەسىدىن كېيىن ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستلىرى دەھشەتلىك باستۇرۇلغان. شۇ يىلى زىيانكەشلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

ئايرلاڭگا

  • ئايرلاڭگا[يەشمىسى:]Erlangga ياكى Airlangga، 991 — 1049) ھىندۇنېزىيىدىكىمادالەنپادىشاھلىقىنىڭپادىشاھى (1019 — 1049) دارماۋامىسانىڭ كۈيئوغلى. 1007-يىلى سىرىۋىجايا مادالەننىڭ پايتەختىنى بېسىۋالغاندىن كېيىنقېچىپكەتكەن.1019-يىلى ھىندى دىنى كاھىنلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە، بۆلۈنمىدىكى يەرلىك فېئودال خوجىدارلارنى بويسۇندۇرۇپ، پادىشاھلىقنىڭ بىرلىكىنى كۈچەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە سۇ ئىنشائاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى رىغبەتلەندۈرگەن. ياۋادىكى «ئاجاناۋۋا» دېگەن تارىخىي داستان مۇشۇ دەۋردە مەيدانغا كەلگەن. سىرتقا قارىتا سىرىۋىجايا بىلەن ئەپ ئۆتكەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا دۆلەت زېمىنىنى ئىككى ئوغلىغا بۆلۈپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن مادالەن پادىشاھلىقى جاڭگالا دۆلىتى ۋە كادىرى دۆلىتىگە ئايرىلىپ كەتكەن.

ئايرىمچىلار ئىتتىپاقى

  • ئايرىمچىلار ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]يەنى «سوندېربوند».

ئايشىبۇل

  • ئايشىبۇل[يەشمىسى:]Aichbühl)گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىدىكى يېڭى تاش قوراللىرى دەۋرى ۋە تۆمۈر قوراللىرى دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى خارابىسى. شتۇتگارتنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، تەخمىنەن 90 كىلومېتر يىراقلىقتىكى فېدېرىس (Federsee) كۆلىنىڭ يېنىدا. يېڭى تاش قوراللىرى دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى خارابىلار شەرقتىكى دوناي مەدەنىيىتى(Ⅱ—Ⅰ دەۋر) نىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىغان، مىلادىدىن 2000 — 2200 يىل ئىلگىرى ئەتراپىدا گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمى، بېلگىيە، رېين دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى رايونلىرىدىكى يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ تىپىك خارابىسى.1879-يىلىدىن باشلاپ تەكشۈرۈپ قېزىلغان. سۇ ئۈستىگە سېلىنغان ئىمارەتكە ئوخشاپ كېتىدىغان تۇرالغۇ جاي خارابىسىدىن 24 ى تېپىلغان. ئۇ 6 مېتر×6.3 مېتر تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، ئاستىغا تاختاي ياتقۇزۇلغان، ئۆينىڭ ئەتراپىدا ياغاچ لەمپە ياسالغان. ئۆينىڭ ئىچى ئىچكىركى، تاشقىرىقى ئۆيگە بۆلۈنگەن، تاشقىرىقى ئۆيگە ئوچاق سېلىنغان. ئۇنىڭدىن ھېجىر، قەدەھ قاتارلىق ساپال قاچىلار تېپىلغان. ئۇ روشەن ھالدا دوناي Ⅰ دەۋرى b ۋەⅡ دەۋرىدىكى ساپال قاچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

ئاينۇلارغا يۈرۈش قىلغۇچى باش سىياگۇن

  • ئاينۇلارغا يۈرۈش قىلغۇچى باش سىياگۇن[يەشمىسى:]ياپونىيىنىڭ شوگنات باشلىقى.مىلادى 794-يىلى تېننو كانتاكى خوككايدۇدىكى ئاينۇلارغا جازا يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن ئوتوموكومارونى ئاينۇلارغا يۈرۈش قىلغۇچى باش سىياگۇنلۇققا تەيىنلىگەن،811-يىلى ئاينۇلار بېسىقتۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەمىلى ئېلىپ تاشلانغان. 1184-يىلى مىنايوشىچو ئاينۇلارنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئاستانىگە چاقىرتىلىپ مەزكۇر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن. تېننو شىراكاۋ ئۆلگەندىن كېيىن مىنايورىتومۇ 1192-يىلى مەزكۇر نامغا ئېرىشكەن ۋە شوگنات ھاكىمىيىتىنى بەرپا قىلغان. كېيىن ئاشىكاگا، توكۇكاۋالار بۇ نامنى داۋاملىق قوللىنىپ، ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ ئەڭ ئالىي ئەمەلدار بولغان. 1867-يىلىغا كەلگەندە مۇنارخىيىلىك تۈزۈمنى تىرىلدۈرۈش بۇيرۇقى چىقىرىلغاندا بىكار قىلىنغان.

ئاينېئاس

  • ئاينېئاس[يەشمىسى:]Aineas ياكى Aeneas ياكى Aineias) قەدىمكى زامان رىۋايەتلىرىدىكى ترويا شەھىرىنىڭ قەھرىمانى. پرىئام (Priam) خان جەمەتىدىن چىققان.رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، ئانكىسېس (Anchises) بىلەن مەبۇدە ئاپرودىتدىن (Aphrodite) تۇغۇلغانمىش. ترويا شەھىرى يۇنان بىرلەشمە ئەسكەرلىرى (ئاگامېمنون قوماندانلىق قىلغان) تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئوغلى ئاسكانى (Ascanius) بىلەن بىللە تراكىيە، ئېگېي دېڭىزى، كرىت، كارفاگېن، سىتسىلىيە قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ، مىڭ تەسلىكتە يەتتە يىلدا ئىتالىيىگە بېرىپ، لاتيۇم رايونىنى ئىگىلىگەن. كېيىن شۇ يەردىكى قەبىلىلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئوغلى دېبۇ دەرياسى ئەتراپىدا (كېيىنكى رىم شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) ئالبا لونگا (Alba Longa) شەھىرىنى قۇرغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئاتا-بالا ئىككىيلەن رىملىقلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادى ئىكەن. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ياش شائىرى ۋېرگىل مۇشۇ رىۋايەتنى ئارقا كۆرۈنۈش، ئاينېئاسنى باش قەھرىمان قىلىپ 12 توملۇق داستان — «ئائېنېيد» نى يازغان. «رىمنىڭ پەيدا بولۇشى» غا قاراڭ.

ئايوتىيە خاندانلىقى

  • ئايوتىيە خاندانلىقى[يەشمىسى:]Ayutia) يەنى بۈيۈك شەھەر خاندانلىقى. تايلاندنىڭ قەدىمكى زاماندىكى فېئودال خاندانلىقى. 1350-يىلى راماتىبودى قۇرغان.ئۇنىڭ پايتەختى ئايوتىيە («غالىب شەھەر» دېگەن مەنىدە، بۈيۈك شەھەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دا بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان.كۆپ ئۆتمەي سۇكۇتئاي خاندانلىقىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، 1438-يىلى مۇنقەرز قىلغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە چېنلادىكى ئاڭكور (Angkor) خاندانلىقىغا كۆپ قېتىم كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ، ئاڭكورنى بىرنەچچە قېتىم ئىشغال قىلغان. ترائىلوك تەختتە ئولتۇرغان مەزگىل (1448 — 1488) دە مەركىزىي ھاكىمىيەتنى كۈچەيتىپ، «تەبىقە بويىچە يەر بېرىش قانۇنى» نى يولغا قويغان ھەمدە شىمالدىكى چېڭمەي بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇش قىلغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بىرمىلىقلارنىڭ تاجاۋۇزىغا كۆپ قېتىم ئۇچراپ، ئايوتىيە ئىككى قېتىم ئىشغال قىلىۋېلىنغان ھەمدە 15 يىل بىرمىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان (1569 — 1584). نارېسۇئېن تەختتە ئولتۇرغان مەزگىل (1590 — 1605) دە دۆلەت قۇدرەت تېپىپ، كامبودژىنى بويسۇندۇرغان ھەمدە مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلغان.ئايوتىيە خاندانلىقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇپ، مىڭ سۇلالىسىغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. جۇڭگو دېڭىزچىسى جىڭ خې بۇ جايغا بارغان. ⅩⅥ، ⅩⅦ ئەسىردە غەرب مۇستەملىكىچىلىرى بېسىپ كىرگەن. 1767-يىلى ئايوتىيە بىرما تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، ئايوتىيە خاندانلىقى مۇنقەرز بولغان.

ئايۇبخان

  • ئايۇبخان[يەشمىسى:]Mohammad Ayub khan، 1907—1974) پاكىستان زۇڭتۇڭى (1958 — 1969). ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىس-تاننىڭ غەربىي-شىمال چېگرا ئۆلكىسى (ھازىرقى پاكىستان) دا تۇغۇلغان. ئالكىل مۇسۇلمانلار ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئەنگلىيىدىكى سانخىست خانلىق ھەربىي ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1928-يىلى ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستان ئارمىيىسىدە ئوفىتسېر بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، پەنجاپ 14-پولكىغا قوماندانلىق قىلىپ، بىرمىدا ياپونغا قارشى ئۇرۇش قىلغان.1947-يىلى پاكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن برىگادىر، دىۋىزىيە كوماندىرى، قۇرۇقلۇقئارمىيەمۇئاۋىن باش قوماندانىبولغان.1951-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيەباش قوماندانىبولغان.1954— 1955-يىللىرى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان.1958-يىلى 10-ئايدا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ زۇڭتۇڭ، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، قوراللىق قىسىملارنىڭ ئالىي باش قوماندانى، ھەربىي قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش باش ئەمەلدارى بولغان.1959-يىلى مارشال بولغان. 1960-، 1965-يىللىرى يەنە ئىككى قېتىم زۇڭتۇڭ بولغان. بۇ مەزگىلدە يېزا ئىگىلىكىدە ئىسلاھات ئېلىپبېرىپ،سانائەتنىراۋاجلاندۇرغان.1962-يىلى يېڭى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلغان. 1963-يىلى 12-ئايدا پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى (كۆپ سانلىقلار) نىڭ رەئىسى بولغان.1966-يىلى 1-ئايدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ھىندىستان-پاكىستان ئۇرۇشىدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنت شەھىرىدە ھىندىستان زۇڭلىسى باھادۇر شاسترى بىلەن «تاشكەنت خىتابنامىسى» نى ئىمزالىغان.1961-يىلى 3-ئايدا مەملىكەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى بىلەن ھاكىمىيەتنى تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئۇنىڭ «خوجايىن كېرەك ئەمەس، دوستلار كېرەك» (تەرجىمىھال) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ئائىشە

  • ئائىشە[يەشمىسى:]Aishah، 614 —678) ئىسلام دىنىنىڭ ئىجادچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچىنچى خوتۇنى. «مۇسۇلمانلارنىڭ ئانىسى» دەپ ئاتالغان. ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى. مەككىدە تۇغۇلغان. توققۇز يېشىدا مەدىنىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياتلىق قىلىنغان. خەلىپە ئوسمان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ مەدىنە ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنىپ، قارشى گۇرۇھتىكىلەرنىڭ باشلىقى بولۇپ، ھەزرىتى ئەلىگە قارشى تۇرغان. مىلادى 656-يىلى تۆگە غازىتىدا ھەزرىتى ئەلى قارشى گۇرۇھتىكىلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئائىشەنى ئەسىر ئېلىپ، مەدىنىگە قايتۇرۇپ كەلگەن. مەدىنىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئائېگىنا

  • ئائېگىنا[يەشمىسى:]Aegina) قەدىمكى يۇناندىكى بىر كىچىك ئارال. سارونىك (Saronic) قولتۇقىدا. ئاتىتكا يېرىم ئارىلى (ئافىنا) بىلەن جەنۇبىي يۇنان (گرېتسىيە) دىكى ئارگولىس (Argolis) ئارىلىقىغا جايلاشقان. كۆلىمى 85 كۋادرات كىلومېتر، ئايلانمىسى 30 نەچچە كىلومېتردىن ئاشمايدۇ. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە ئارال نامى دەريا ئىلاھى ئاسوپۇس (Asopus) نىڭ قىزى «ئائېگىنا» غا ئاتاپ قويۇلغانىكەن. ئارالنىڭ غەربىي شىمالىي تەرىپىدە شۇ ناملىق شەھەر بىنا قىلىنغان. بۇرۇنقى ئاھالىسى ئاكاياسلار بولۇپ، كېيىن بىر تارماق دورىيانلار كۆچۈپ كېلىپ، ئائېگىنا شەھىرىنى بىنا قىلغان. دېڭىز سودىسىنىڭ پايدىسى بىلەن ئىقتىسادىي تېز تەرەققىي قىلىپ، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى بىر مەھەل داڭق چىقارغان. ئائېگىنانىڭ كۈمۈش تەڭگىلىرى دورىيانلار ياشايدىغان كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ سودا-سېتىقىدا پۇلنىڭ كۈمۈش بىرلىكىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە ئافىنا بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان، گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ مۇرەسسەگە كېلىپ، سالامى دېڭىز ئۇرۇشىدا (مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى) 30 كېمە ئەۋەتىپ كىسېركىسېس Ⅰگە قارشى جەڭگە قاتناشتۇرغان . كېيىن يەنە ئافىنا بىلەن قارشىلىشىپ يېڭىلگەندىن كېيىن ئافىنا تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ، دېلوس ئىتتىپاقىغا قاتنىشىپ، ئېغىر باج-سېلىقلارنى تۆلەشكە مەجبۇر بولغان. پىلو-پوننېسوس (مورىيا) ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدە (مىلادىدىن 429 يىل ئىلگىرى) ئاھالىلىرى ئافىنالىقلار تەرىپىدىن قوغلىۋېتىلىپ، يەرلىرى ئافىنا كۆچمەنلىرىگە بۆلۈپ بېرىلگەن. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن (مىلادىدىن 404 يىل ئىلگىرى) سپارتالىقلار قايتىدىن قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇرۇنقى ئاۋاتلىقىنى يوقاتقان. ئاكايا ئىتتىپاقى ۋە ئايتولىيە ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە رىمغا قوشۇلۇپ كەتكەن. ئائېگىنا مەدەنىيەت-سەنئەت جەھەتتە بەلگىلىك تۆھپىلەرنى ياراتقان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇنىڭ شەھەر خارابىسى قېزىلىپ، نۇرغۇنلىغان قەدىمىي ئاسارئەتىقىلەر (زېۋىس ئىلاھى ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار) قولغا كەلتۈرۈلگەن.

ئائېنېيد

  • ئائېنېيد[يەشمىسى:] كىتابنىڭ نامى.(«ئائېنېيس») (Aeneis) دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. قەدىمكى رىم شائىرى ۋېرگىل (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىر) نىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. 12 توم. «ئائېنېيد»(Aeneid)نىڭ مەنىسى «ئاينېئاسنىڭ ئىش ئىزلىرى» دېگەنلىك. ئاينېئاس ترويا رىۋايەتلىرىدىكى قەھرىمان، مۇشۇ داستاندىكى باش قەھرىمان. ھېكايىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى مۇنداق: يۇنان بىرلەشمە قوشۇنى ترويا شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئاينېئاس ئوغلى ئاسكانى (Ascanius، يەنە بىر ئىسمى جۇلۇس) بىلەن بىللە، دېڭىز ساياھىتىنى باشلاپ، تراكىيە، ئېگېي دېڭىزى، كرىت، كارفاگېن، سىتسىلىيە قاتارلىق جايلاردىن ئۆتكەن. كارفاگېننىڭ (ھازىرقى تۇنىس)نىڭ ئايال پادىشاھى دىدو(Dido)ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، ئاينېئاسقا تېگىشنى ئارزۇ قىلغان؛ ئاينېئاس تەقدىر بويىچە رىمغا بېرىپ تۆھپە يارىتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى رەت قىلغان، دىدو نومۇسىغا چىدىماي ئۆلۈۋالغان. سىتسىلىيىدە ئاينېئاس ئايال كاھىن سىبىيىلنىڭ (SibyL ) يېتەكلىشى بىلەن باقىي ئالەمنى ساياھەت قىلىپ، ترويا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن قەھرىمانلارنى كۆرگەن شۇنداقلا يەنە تۈرلۈك ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلارنى ئۇچرىتىپ، مىڭ تەسلىكتە يەتتە يىلدا ئىتالىيىگە يېتىپ بېرىپ، لاتيۇمغا كەلگەن. لاتيۇمنىڭ پادىشاھى لاتىنۇ (Latinus)قىزى لاۋىنىيە (Lavinia)نى ئۇنىڭغا بەرگەن (جۇلۇسنى لاۋىنىيە تۇغقان دېگەن گەپمۇ بار).لاۋىنىيە رۇتۇلى (Rutuli) لارنىڭ پادىشاھى تۇرنۇس (Turnus) بىلەن ئاشنا ئويناپ قويغانلىقتىن ئۇرۇش كېلىپ چىققان. ئۇرۇشتا ئاينېئاس يارىدار بولغان، ئۇنى ئانىسى ئاپرودى داۋالاپ ساقايتقان. ئىككىنچى جەڭدە تۇرنۇس يېڭىلىپ ئۆلگەن، ئاينېئاس ئاخىرى ترويا ئېسىلزادىلىرى بىلەن لاتىن مىللەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بىلەن رىم دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى سالغان. ۋېرگىل قەدىمكى زامان رىۋايەتلىرى بىلەن شائىرنىڭ خىيالىنى بىرلەشتۈرۈپ، 11 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ داستاننى يېزىپ چىققان. ئاينېئاس بىلەن جۇلۇسنىڭ ئەۋلادى رومۇلۇس رىم شەھىرىنى بەرپا قىلغان ھەمدە رىم پادىشاھ ھاكىمىيىتى دەۋرىنى بەرپا قىلغان؛ كائېسار ۋە ئوكتاۋىئان (ئاۋگۇستۇس) تەۋە بولغان جۇلىئۇس (Julius) ئۇرۇقىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى جۇلۇس (Julus).ۋېرگىل تازا باش قاتۇرۇپ رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئىلاھ ئەۋلادىغا ئاپارغان، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى تاماملىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ۋېرگىل ۋاپات بولۇش (مىلادىدىن 19 يىل ئىلگىرى) تىن ئىلگىرى «ئائېنېيد» نىڭ تېكىستىنى كۆيدۈرۈۋەتمەكچى بولغان، ئاۋگۇستۇس توسۇۋالغانلىقتىن، ئەسىرلەر داۋامىدا تارقىلىپ كەلگەن.

ئالېكساندر سېرگېۋىچ پۇشكىن

  • ئالېكساندر سېرگېۋىچ پۇشكىن[يەشمىسى:]Александр Сергеевич Пушкин، 1799 — 1837)، روسىيە شائىرى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. پادىشاھ كەنتىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئىلغار ئىدىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. كىچىكىدىن باشلاپلا ئەدەبىياتقا قىزىققان. 1817-يىلى تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئىجادىيەتنى باشلىغان. ئۇ «ئەركىنلىك»، «چادايېۋقا»، «قىشلاق» قاتارلىق شېئىرلىرىدا ئەركىنلىكنى مەدھىيىلەپ، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرغان. 1820-يىلى خەلق چۆچىكى سۇژىت قىلىنغان تۇنجى داستانى «روسلان-ليۇدمىلا»نى يېزىپ، دېموكراتىك روھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇ يىلى جەنۇبقا سۈرگۈن قىلىنغان. سۈرگۈن جەريانىدا «كافكاز تۇتقۇنى»، «سىگانلار» داستانلىرى، «قۇياش پاتتى»، «تۇتقۇن»، «خەنجەر» قاتارلىق لىرىك شېئىرلارنى يېزىپ، يۇقىرى قاتلام جەمئىيەتنى سۆكۈپ، شەخس ئەركىنلىكىنى ئارزۇ قىلغان. 1825-يىلى تارىخىي تراگېدىيە «بورىس گودۇنوۋ» نى پۈتتۈرۈپ، چار پادىشاھ تۈزۈمىنى ئىنكار قىلىپ، خەلقنىڭ كۈچىگە مەدھىيە ئوقۇغان. دېكابرىستلار قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چار پادىشاھ موسكۋاغا چاقىرتىپ، سۈرگۈندىن بوشىتىش چارىسى ئارقىلىق ئۇنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئەمما پۇشكىن «سىبىرىيىدىكى مەھبۇسلارغا خەت»، «ئارىئۇن» قاتارلىق شېئىرلىرىنى ئېلان قىلىپ، دېكابرىستلارنىڭ ئىنقىلابىي ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرغان. 20-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تارىخىي داستان «پولتاۋا»، «مىس رىتسار»لارنى يېزىپ، بۈيۈك ئىمپېراتور پېترنىڭ پائالىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن؛ «كاپىتان قىزى» رومانىنى ۋە تارىخىي خاتىرە «پۇگاچيوۋنىڭ تارىخى» نى يازغان. 1831-يىلى شېئىرىي رومان «يېۋگېنىي-ئونىگېن»نى يېزىپ پۈتتۈرگەن. 1833-يىلى «دوبروۋىسكى» پوۋېستىنى يازغان. يەنە «بىلكىن ھېكايىلىرى» ۋە بالىلار چۆچىكى شېئىرى قاتارلىقلارنى يازغان. 1836-يىلى «زامانىمىزنىڭ كىشىلىرى» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلىپ، ئوبزور ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت تەنقىدلىرى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلغان. كېيىنكى يىلى سۇيىقەست بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان دۇئېلدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى روسىيە ئەدەبىياتى ۋە تىلىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكەن. 