پ🔗

پ

پروتېستانت

پائاسكىۋى

پاپا

پاپا ئاۋىگنون

پاپاچىلار

پاپا دۆلىتى

پاپارخىگوپولۇس

پاپا كاپالەتلىك قانۇنى

پاپا مېرىدىئانى

پاپېن

پاپىرۇس

پاپىرۇسشۇناسلىق

پاپىنىيانۇس

پاتالىپۇترا

پاتانجالى

پاتان دۆلىتى

پاترونا خەلىل قوزغىلىڭى

پاترىئارخال جەمەت

پاترىئارخاللىق تۈزۈمى

پاترىئارخاللىق جەمەت ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى

پاترىئارخاللىق قۇللۇق تۈزۈمى

پاترىئارخاللىق قۇللۇق تۈزۈمى

پاترىخ

پاتېسى

پاتېل

پاتىمە

پاتىنو

پاجاڭ

پاجىئەلىك ھەپتە

پاچچە ساقاۋ قوزغىلىڭى

پاخارپۇر ئىبادەتخانىسى

پادۇس دەرياسى

پادېرېۋىسكىي

پادېرى ئۇرۇشى

پادېس خىتابنامىسى

پادىچىلار قوزغىلىڭى

پادىشاھ جىلغىسى

پادىشاھ سايلىغۇچى بەگلەر

پادىشاھقا خىزمەت قىلىش ھەرىكىتى

پادىشاھ گۇاڭكەيتۇ

پادىشاھلىق ئادەم

پادىشاھلىق باغ پەرمانى

پادىشاھ كوتائېئو

پادىشاھ ماگۇ

پادىشاھ ۋىللىيام ئۇرۇشى

پادىللا

پاراكراماباخۇ

پاراگۋاي ئۇرۇشى

پارامېسۋارا

پارتېنوپا جۇمھۇرىيىتى

پارچىلىنىشنىڭ بىۋاسىتە ئىزىغا قاراپ دەۋرگە بۆلۈش

پاررىڭتۇن

پارسۋا

پارفېنون ئىبادەتخانىسى

پارفىيە

پارك

پارك چۇڭ خېي

پاركمان

پارلامېنت

پارلامېنت پەرمانىنى بىكار قىلىش ھوقۇقى

پارلامېنت مەزگىلىدىكى ئىتتىپاق

پارلامېنت ئىسلاھاتى

پارمېنىدېس

پارنېل

پاروس

پاروس ماياكى

پارېتو

پارىژدىكى بۈۋى مەريەم چېركاۋى

پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى

پارىژ سۈلھ يىغىنى

پارىژ شەھەر ئاھالىسى قوزغىلىڭى

پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالى

پارىژ كوممۇنىسى

پارىژ كېلىشىمى

پارىژ ئىتتىپاقى

پارىس

پارىكشىت

پازىرك قەدىمكى قەبرىستانلىقى

پاسخا بايرىمى

پاسخا بايرىمى ئارىلى

پاسساۋ شەرتنامىسى

پاسكېۋىچ

پاسېنادې

پاشا

پاسىچ

پاكلارⅨ

پاكىستان قارارى

پاگان

پاگان سۇلالىسى

پاگانو

پاڭكور شەرتنامىسى

پال

پالاتىناتې

پالاسكىي

پالاسئوۋالدېس

پاللاۋىكىنو

پاللاۋىكىنو-ترىۋۇلزىئو

پالما

پالمارېس جۇمھۇرىيىتى

پالمېر تۇتقۇنلۇقى

پالمېرستون

پالمىرا

پالېرمو تاش ئويمىچىلىقى

پالېئولوگۇس خاندانلىقى

پان

پانامادىكى سەتچىلىك

پاناما ۋەقەسى

پاناھلىق تۈزۈمى

پان تۈركىزم

پانچور

پانتېئون

پاندورا

پاندىيا

پان سلاۋىيانچىلىق

پان گېرمانچىلىق

پان گېرمانىيە جەمئىيىتى

پاننونىيە

پانفېروۋ

پانىپات جېڭى

پانىنى

پان ياۋروپا ئىتتىپاقى

پاھاڭ دۆلىتى

پائۇل-بونكۇر

پائۇل دىياكون

پائۇل مەزھىپى

پائۇلۇس

پاۋلوۋ

پاۋلېنكو

پاۋىلⅠ

پائېز

پائىسىي

پائىنلېۋې

پائىنىي

پەرەڭ

پەرزەنت جۇمھۇرىيەتلەر

پەرمان تۈزۈمى

پەكسۇنگاڭ ئۇرۇشى

پەگاچىلار

پەلەستىن (قەدىمكى زامان)

پەلەستىنلەر

پەنپەن دۆلىتى

پەن پېيچۇ

پەن تىڭفېڭ

پەن جۇجېن

پەنجىكەنت قەلئەسى

پەھلىۋى

پەھلىۋى سۇلالىسى

پەيلوس

پەيرو

پتولېمېي پادىشاھلىقى

پتولېمى

پراساد

پراكستېلېس

پراگا تۆت ماددىسى

پراگا سۈلھ شەرتنامىسى

پراگا قوزغىلىڭى

پراگا كېلىشىمى

پراگا كىنەزلىكى

پراگا ئىشچىلىرىنىڭ نامايىشى

پراگا ئىيۇن قوزغىلىڭى

پرامبانان

پراۋوسلاۋىيە (ئورتودوكسىيە)

پراۋوسلاۋىيە دىنى

پرزېمىسⅡ

پرگىرسۋ پارتىيە

پروتاگوراس

پروتېكتورات

پرۇسسىلار

پروكلوس

پروكوپ

پروكوپئۇس

پرولېتارلار بىرلەشمىسى

پرولېتارىيات

پروم پادىشاھلىقى

پرومېتې

پرونىيە تۈزۈمى

پروئۇست

پروۋېنكىيە

پرۇدون

پرۇدونچىلار

پرۇدونىزم

پرۇسسىيە

پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشى

پرۇسسىيە بىرلەشمە شتاتلار پارلامېنتى

پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى

پرۇسسىيە ئىتتىپاقى

پرۇسسىيە ئىلمىي ئېقىمى

پرۇسسىيە يولى

پرېسكوت

پرېم چاند

پرېميسل سۇلالىسى

پرىزرېن ئىتتىپاقى

پرېئوبراژېنى قوزغىلىڭى

پسامېتىكⅠ

پىسكوۋ فېئودال جۇمھۇرىيىتى

پفالز

پفالز گرافى

پلات تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى

پلاتېئا

پلاسسېي جېڭى

پلانك

پلائۇتۇس

پلوتىنوس

پلومبيېرېس كېلىشىمى

پلۇتاركوس

پلېخانوۋ

پلېۋې

پلېۋېن پىلانى

پلىنىئۇس

پوپچىلىق

پوپ لاشېز قەبرىستانلىقى

پوتتىئېر

پوتسىدام ئاخباراتى

پوتسىدام كېلىشىمى

پوتسىدام يىغىنى

پوتگېتېر

پوتيومكىن

پوتيومكىن ناملىق پاراخوت قوزغىلىڭى

پو دەرياسى

پودگورىكا كېلىشىمى

پودېبراد

پورتۇگالىيە-برازىلىيە-ئالگارۋې بىرلەشمە پادىشاھلىقى

پورتۇگالىيە كىنەزلىكى

پورتۇگالىيىنىڭ 1910-يىلىدىكى ئىنقىلابى

پورتۇگالىيىنىڭ 1826-يىلىدىكى ئاساسىي نىزامى

پورتۇگالىيىنىڭ 1822-يىلدىكى ئاساسىي قانۇنى

پورتسمۇت سۈلھ شەرتنامىسى

پورتېر

پورلېر

پورۋو پارلامېنتى

پورىتان

پورىتانلار ئىنقىلابى

پوزارېۋاس سۈلھ شەرتنامىسى

پوسۇشكوۋ

پوسېيدون

پوكومبو قوزغىلىڭى

پوگگىئو

پولابىسكې سىلاۋيانلىرى

پولات-تۆمۈر ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشى

پولات ئىتتىپاق شەرتنامىسى

پولەك پادىشاھلىقى

پولتاۋا جېڭى

پولشا پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى

پولشا كارىدورى

پولشانىڭ بۆلۈۋېلىنىشى

پولشانىڭ 1863-يىلىدىكىقوزغىلىڭى

پولشانىڭ 1830-يىلدىكى قوزغىلىڭى

پولشانىڭ 1791-يىللىق ئاساسىي قانۇنى

پولشا ئىشچىلار پارتىيىسى

پولشا ئىيۇل خىتابنامىسى

پولك

پوللىت

پولوۋىسلار

پولېنېسىيە مېھنەتكەشلىرى پەرمانى

پولىكلېتوس

پولىيبىئۇس

پومبال

پومبال ئىسلاھاتى

پومپېي

پومپېي

پومپىدۇ

پومورزې

پومېرانىيە

پونتوپىدان

پونتوس پادىشاھلىقى

پونى ئۇرۇشى

پوئىتوئۇ

پوئىتېرس جېڭى

پويادې جېڭى

پۇتىستىسنى

پۇتيەنباۋ جېڭى

پۇرۇسا

پۇرۇشا پۇرا

پۇزۇشا پۇرا

پۇژاد ھەرىكىتى

پۇسانى

پۇشكىن

پۇشيەن ئىبادەتخانىسى

پۇقرالار پارتىيىسى

پۇقرالار پارتىيىسى

پۇقرالارغا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىش بۇيرۇقى

پۇقرالار يىغىنى

پۇگاچيوۋ قوزغىلىڭى

پۇلىتسېر

پۇنالۇ ئان نىكاھى

پۇند

پېئانو

پېپې

پېپىن (پەتەك(

پېپىننىڭ زېمىن ھەدىيە قىلىشى

پېتتىي

پېتوفى

پېتوفى كۇلۇبى

پېترⅠ

پېترا

پېترلو پاجىئەسى

پېتروۋسكى

پېترى

پېتليورا

پېتېرⅠ ئىسلاھاتى

پېتېرⅡ

پېېتېرارك

پېتېر ئەلچىلەر ئۆمىكى

پېتېرىس

پېتېلى قانۇنى

پېتېن

پېتىئون

پېتىئون

پېچېنەكلەر

پېدروⅠ

پېدروⅡ

پېرېننې

پېررى

پېررىنىڭ دەرۋازىنى قېقىشى

پېرس

پېرشىڭ

پېرىسېپولىس

پېرسىيە دەستۇرى

پېرسىيە دىنى

پېرسىيە كارۋان يولى

پېرسىيە ئىمپېرىىسى

پېرىكلېس

پېركىنس

پېرگام پادىشاھلىقى

پېرون

پېرۇ باش ۋالىيسىغا قاراشلىق رايون

پېر، لاشىزقەبرىستانلىقى

پېرىي

پېرىئوسلار

پېرىياند

پېزاررو

پېستىراتۇس

پېسېنتېل

پېشاۋۇر قوزغىلىڭى

پېشقەدەم چېخلار گۇرۇھى

پېك

پېكالا

پېكچى

پېگو خاندانلىقى

پېلاگىچ

پېللو

پېللىكو

پېللىئوت

پېلوپوننېس ئۇرۇشى

پېلوپوننېس ئىتتىپاقى

پېلوپېدا

پېلويئاننىس

پېنسىيە ئالغۇچىلارنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنى

پېئېل

پىچىنچا جېڭى

پىتاگوراس

پىتتى

پىتتى قانۇن لايىھىسى

پىدائىي ئەسكەرلەر ھەرىكىتى

پىدىياس

پىراندېللۇ

پىرائېۋىس قورشاۋى

پىررونPyrrhon

پىروتېستانت ئىتتىپاقى

پىرې

پىرېنېي سۈلھ شەرتنامىسى

پىرىئام

پىساكانې

پىكاسو

پىكتور

پىلاتۇس

پىلسۇدىسكى

پىللوت

پىللىنتىس خىتابنامىسى

پىندار

پىنىيا دۆلىتى

پىئوسⅨ

پىۋىخانا توپىلىڭى

پېمونتې

پىياست سۇلالىسى

پياۋجىيۈەن

پياۋشەنيوڭ

پياۋيوڭشياۋ

پيا ئىتتىپاقى

پيرروس

پيدنا جېڭى

پيورلخاربور پورتى ۋەقەسى

پيۇ دۆلىتى

پيۇتر

ئىزاھى

پروتېستانت

  • پروتېستانت[يەشمىسى:]خرىستىئان دىنىنىڭ بىر مەزھىپى. كاتولىك دىنى، پراۋوسلاۋىيە دىنى بىلەن بىرگە خرىستىئان دىنىنىڭ ئۈچ چوڭ مەزھىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ⅩⅥ ئەسىردە ياۋروپادىكى دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىدە كاتولىك دىنىدىن ئايرىلىپ چىققان ليۇتېر مەزھىپى، كالۋىن مەزھىپى ۋە ئەنگلىيە دۆلەت دىنى ھەم كېيىنكى ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ چىققان دىنىي مەزھەپلەرنى، ئاساسەن ئىناۋەتچىلەر مەزھىپى، ئاقساقاللار مەزھىپى، باپتىستلار مەزھىپى، ھەقىقەتچىلەر مەزھىپى، ھەقىقەتنى قوغداش ئۇيۇشمىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. 1529-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ سىپېيېر (Speyer، بۈگۈنكى فېدېراتىپ گېرمانىيىسىنىڭ رىيىنلاند-پفالتىس ئوبلاستىدا) ئىمپېرىيە پارلامېنتىنى چاقىرىپ، كاتولىك چېركاۋىنىڭ مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىشنى مەنئى قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1521-يىلى ليۇتېرنى بىدئەت دەپ ئەيىبلىگەن «ۋورمىس پەرمانى» نى قايتا تەكىتلىگەن. ليۇتېر مەزھىپىنىڭ يىغىنغا قاتناشقان بەش نەپەر بېگى (جۈملىدىن ساكسونىيىنىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى كىنەزى، ھېسسېن گرافى ۋە براندېنبۇرگ بېگى) ۋە 14 شەھەرنىڭ ۋەكىللىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار «نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر» (لاتىنچە Protestans، نېمىسچە Protestanten، غەربتە رىمغا قارشى مەزھەپ ياكى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر مەزھىپى دەپ ئاتىلىدۇ) دەپ ئاتالغان. پروتېستانت دېگەن نام شۇنىڭدىن باشلانغان. پروتېستانتلار چېركاۋ تۈزۈمىنى بىر خىل قىلىۋېتىشنى قۇۋۋەتلىمەي، ئۇنىڭ خىلمۇ خىل بولۇشىنى (ئېپسكوپلۇق تۈزۈمى، سىنات تۈزۈمى قاتارلىقلار) نى تەشەببۇس قىلغان. مۇرىتلارنىڭ پوپنى ۋاسىتىچى قىلماي خۇدا بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىشىگە ئەھمىيەت بەرگەن. ئاساسەن ئەنگلىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، شۋېتسارىيە، شىمالىي ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرگە تارقالغان. ئەپيۇن ئۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدە جۇڭگوغا تارقىلىپ، خرىستىئان دىنى ۋە ئەيسا دىنى دەپمۇ ئاتالغان.

پائاسكىۋى

  • پائاسكىۋى[يەشمىسى:]Juho Kusti Paasikivi، 1870 — 1956). فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى (1946 — 1956). ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فىنلاندىيە پارتىيىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. كېيىن خەلق ئىتتىپاقى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى (1934 — 1936) بولغان. 1918-يىلى زۇڭلى بولغان. كېيىن شۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى(1936— 1939)، سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچى (1940 — 1941) بولغان. 1939 — 1940-يىللىرى ۋە 1941 — 1944-يىللىرى سوۋېت-فىنلاندىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە كۆپ قېتىم تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمىتىگە ئىشتىراك قىلغان. 1944 — 1946-يىللىرى قايتىدىن زۇڭلى بولغان، كېيىن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. زۇڭلى ۋە زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىللىرىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوستانە ئۆتۈش ۋە ھەمكارلىشىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن ھەمدە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، فىنلاندىيىنىڭ بىتەرەپلىكىنى ساقلىغان، بۇ پائاسكىۋى لۇشيەنى دەپ ئاتالغان. 1948-يىلى ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۆزئارا دوستانە ھەمكارلىشىش شەرتنامىسى ئىمزالانغان.

پاپا

  • پاپا[يەشمىسى:] ۋاتىكان پادىشاھى. كاتولىك دىنى رىم ئېپىسكوپىنىڭ ئالىي نامى. رىمدا تۇرىدىغان بولغاچقا رىم پاپاسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «پاپا» دېگەن سۆز لاتىنچە Papa دىن ئېلىنغان، ئەسلى گرېكچە Papas دېگەن سۆزدىن كەلگەن. بۇ «ئاتا» دېگەن مەنىدە. ئەسلى خرىستىئان دىنىدىكى ئادەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملارنىڭ ھۆرمەت نامى ئىدى. مىلادى Ⅱ ئەسىردە ئېپىسكوپ تۈزۈمى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، بارلىق ئېپىسكوپلارغا قوللىنىلغان. رىم ئېپىسكوپى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختىدە بولۇپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي كۈچى ئەڭ زور بولغانلىقى ئۈچۈن ئېپىسكوپلاردىن ئۈستۈن تۇرماقچى بولغان. Ⅴ ئەسىردە، رىم ئېپىسكوپى «پاپا» دېگەن نامىنى ئۆزى يالغۇز ئىگىلىگەن. 756-يىلى فرانك كورۇلى پېپىن (پاكار) رىمدىن راۋېننا ئەتراپىغىچە بولغان جايلارنى پاپاغا تەقدىم قىلغان. بۇ پاپا دۆلىتىنىڭ باشلىنىشى بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پاپا ھەم كاتولىك دىنىنىڭ كاتتىبېشى، ھەم بىر دۆلەتنىڭ پادىشاھى بولۇپ، ۋارىسلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. Ⅹ — Ⅷ ئەسىرلەردە، پاپا ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ فرانك كورۇلى ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1059-يىلى لاتېران دىنىي يىغىنىدا پاپانى كاردىنال ئۆمىكى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش بەلگىلەنگەن، دەھرىي فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى مەنئى قىلىنغان.ⅩⅢ — Ⅺ ئەسىرلەردە مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى بىلەن ئېپىسكوپ تەيىنلەش ھوقۇقىنى تالىشىش ۋە كلۇنى ئىسلاھاتى ئارقىلىق پاپانىڭ كۈچى كۈچەيگەن، ھەتتا دەھرى پادىشاھلىق ھوقۇقىدىن ئۈستۈن بولغان. ئىننوسېتىئۇس Ⅲ دەۋرى (1198 — 1216) دە پاپا ھوقۇقى راسا روناق تاپقان. ئۇنىڭدىن كېيىن غەربىي ياۋروپادا ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن دۆلەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ھوقۇقى ئاجىزلاشقان. 1309 —1377-يىللىرى ئاۋىگىنوندا تۇرۇپ، فرانسىيە كورۇلىغا بېقىنغان («ئاۋىگىنون پاپاسى» غا قاراڭ). 1378 — 1417-يىللىرى ئىككى ھەتتا ئۈچ پاپا بىللە تۇرغان ئەھۋال كېلىپ چىققان («كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىدىكى چوڭ پارچىلىنىش» قا قاراڭ). ⅩⅥ ئەسىردىكى ياۋروپا دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتىدە پاپانىڭ ئورنى يەنىمۇ ئاجىزلاشقان. ⅩⅨ — ⅩⅦ ئەسىرلەردە ياۋروپادىكى يېقىنقى زامان بۇرژۇئا ئىنقىلابىدا، فېئودال ئەكسىيەتچى كۈچلەر تەرەپتە تۇرغان. 1870-يىلى پاپا دۆلىتىنىڭ پۈتۈن زېمىنى ئىتالىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلىپ، پاپا رىم شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ۋاتىكانغا جايلاشتۇرۇلغان.

پاپا ئاۋىگنون

  • پاپا ئاۋىگنون[يەشمىسى:] 1309 — 1377-يىللىرى ئاۋىگنون(Avignon، فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان) شەھىرىنى تۇرۇشلۇق جاي قىلغان يەتتە قېتىملىق پاپا. 1303-يىلى رىم پاپاسى بونىفاس Ⅷ فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅳ بىلەن ھوقۇق تالىشىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن. 1305-يىلى، فرانسىيىدىكى بوردونىڭ ئارخېئېپىسكوپى بېرترانددىي گوت (Bertrant de Got، 1264 — 1314) فىلىپⅣ نىڭ قوللىشى ئارقىسىدا پاپالىققا سايلىنىپ، كلېمېن Ⅴ دەپ ئاتالغان. 1309-يىلى كلېمېن Ⅴ پاپا تۇرۇشلۇق جاينى رىمدىن ئاۋىگنون (شۇ چاغدا بۇ شەھەر ئانجۇ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى نىئاپول كورۇللۇقىغا قاراشلىق ئىدى)غا كۆچۈرۈپ كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئالتە قېتىم تەيىنلەنگەن پاپا ئاۋىگنوندا تۇرۇپ، فرانسىيە كورۇلىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان. 1377-يىلى پاپا گرېگورى Ⅺ (GregoriusⅪ، 1329 — 1378) فرانسىيە كورۇل ھاكىمىيىتىنىڭ يۈز يىللىق ئۇرۇشتا بىر مەھەل ئاجىزلاشقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ رىمغا كۆچكەن. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىككى، ھەتتا ئۈچ پاپا بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن. «كاتولىك دىنىنىڭ چوڭ بۆلۈنۈشى»گە قاراڭ.

پاپاچىلار

  • پاپاچىلار[يەشمىسى:]گۇئېلفىچىلار دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. ⅩⅤ — ⅩⅡ ئەسىرلەردىكى ئىتالىيىدىكى سىياسىي مەزھەپ بولۇپ، مۇنارخىستلار بىلەن قارىمۇ قارشى بولغان. بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ بارلىققا كېلىشى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىدىكى ۋېلف جەمەتىنىڭ ھوھېنستا ئۇفېن جەمەتىگە قارشى كۈرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ «گۇئېلفى» (ئىتالىيىچە Guelfi نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى) دېگەن سۆز ۋېلف (Welf) دىن كەلگەن؛ «گىبېللىنى» (ئىتالىيىچە Ghibellini نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، پادىشاھچىلار دېگەن مەنىدە) دېگەن سۆز ھوھىنىستا ئۇفېن جەمەتىنىڭ ۋېيبېلىنگېن (Weiblingen) دېگەن قەلئەسىدىن ئېلىنغان. پاپاچىلارنىڭ ئەزالىرىنىڭ تولىسى بانكىرلار، سودىگەرلەر ۋە دۇكاندارلار بولۇپ، ئۇلار رىم پاپاسى بىلەن بىرلىشىپ، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىتالىيىگە قىلغان تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان. مۇنارخىستلارنىڭ ئەزالىرىنىڭ تولىسى چوڭ فېئوداللار بولۇپ، ئۇلار مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورىغا بېقىنىپ فېئوداللىق ئىمتىيازنى ساقلاپ قالماقچى بولغان. شۇڭا سودا-سانائەت تەرەققىي تاپقان مىلان، فلورېنسىيە، بولونيا قاتارلىق شەھەرلەرنى پاپاچىلار ئىگىلىگەن، فېئوداللىق كۈچلەر كۈچلۈكرەك بولغان پادوۋا (Padova)، ۋېرونا (Vepona)، ۋىسېنزا (Vicenza) قاتارلىق شەھەرلەرنى پادىشاھچىلار كونتررول قىلىۋالغان. لېكىن بۇ مۇقىم بولمىغان، مەسىلەن، سودا-سانائەت تەرەققىي تاپقان پىسا (Pisa) شەھىرى، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىدىن پايدىلىنىپ كۈچلۈك دۈشمەن فلورېنسىيىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن، بىر مەھەل پادىشاھچىلارغا مەنسۇپ بولغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ۋە پاپا كۈچلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئاستا-ئاستا سۇسلاشقان، ⅩⅤ ئەسىرگە كەلگەندە يوقالغان.

پاپا دۆلىتى

  • پاپا دۆلىتى[يەشمىسى:]مىلادى 756 — 1870-يىللىرى ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پاپا باشچىلىقىدىكى ئىلاھىي ھاكىمىيەت سىياسىي يولغا قويۇلغان دۆلەت. مىلادى 756-يىلى فرانك كورۇلى پېپېن (پەتەك) رىمدىن راۋېننا ئەتراپىغىچە بولغان جايلارنى پاپا سىتېپېن Ⅱ(SlephenⅡ، 752 — 757-يىللىرى تەختتە تۇرغان) غا تەقدىم قىلغان، پاپا دۆلىتى شۇنىڭدىن باشلانغان. پايتەختى رىم شەھىرى بولغان. مىلادى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئىلگىرى چارلېس ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولغان. مىلادى 962-يىلىدىن ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 1274-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى رودولفⅠئۇنىڭ مۇستەقىللىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان. چېگرىسىدا كۆپ قېتىم ئۆزگىرىش بولغان. دۆلەت خەلقى فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيىگە ئۇچرىغاندىن تاشقىرى، ئۇرۇش (پاپا بىلەن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى، پاپا بىلەن يەرلىك فېئوداللار ئوتتۇرىسىدىكى يېغىلىقلار) ۋە ۋاتىكاننىڭ ئېغىر باج-سېلىقلىرى ئازابىنى چەككەن. ئاۋىگنون پاپاسى دەۋرىدە (1309 — 1377) رىمدىكى شەھەر ئاھالىسى رېئېنزونىڭ رەھبەرلىكىدە 1347-يىلى ۋە 1354-يىلى ئىككى قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شەھەر ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغان. ئىتالىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە (1494 — 1559) پاپا دۆلىتىنىڭ زېمىنى كېڭەيگەن. ⅩⅤⅢ — ⅩⅥ ئەسىرلەردە پاپا دۆلەت ئىچىدە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويغان. ⅩⅤⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا فرانسىيە قوشۇنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1798-يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان.1809-يىلى ناپولېئون ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان. 1815-يىلى ۋېنا يىغىنىدىن كېيىن پاپا دۆلىتى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1848-يىلىدىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابى پاپا دۆلىتىنى قاپلىغان ھەمدە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقى يەنە بىر قېتىم جاكارلانغان. 1860-يىلى زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى كەينى-كەينىدىن ساردىن پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. 1870-يىلى پاپا دۆلىتى ئىتالىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېلىنغان، پاپا رىم شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ۋاتىكانغا جايلاشتۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، پاپا دۆلىتى دېگەن نام ئومۇمەن ئىشلىتىلمەيدىغان بولغان. 1929-يىلى، ئىتالىيە پاپا بىلەن «لاتىن شەرتنامىسى»نى ئىمزالاپ ۋاتىكاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى پاپاغا مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ئۇنىڭ نامى ۋاتىكان شەھەر دۆلىتى دەپ ئاتالغان.

پاپارخىگوپولۇس

  • پاپارخىگوپولۇس[يەشمىسى:]Konstantinos Paparrhigopoulos، 1815— 1891) گرېتسىيە تارىخشۇناسى ۋە سىياسىئونى. ئافىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى. ئۇ گېرمانىيە تارىخشۇناسى فلمېرا يىۋىلنىڭ سلاۋيانلار گرېتسىيىدىن كېلىپ چىققان دېگەن نەزەرىيىسىنى تەنقىد قىلىش بىلەن ئابرويغا ئىگە بولغان. «گرېتسىيە خەلقى تارىخى» دېگەن ئاساسلىق ئەسىرىدە يىراق قەدىمكى دەۋردىن 1832-يىلغىچە بولغان گرېتسىيە تارىخىنى بايان قىلغان. گرېك مىللىتى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىنى ھەم ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئالاھىدە بايان قىلىپ، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي ئىسلاھات ۋە خۇراپاتلىققا قارشى كۈرەشنى تونۇشتۇرغان.

پاپا كاپالەتلىك قانۇنى

  • پاپا كاپالەتلىك قانۇنى[يەشمىسى:]ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ رىم پاپاسىنىڭ ئورنى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پەرمانى. 1870-يىلى 9-ئايدا ئىتالىيە ئارمىيىسى رىم شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، دۆلەتنى ئاخىرقى ھېسابتا بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1871-يىلى 5-ئايدا ئىتالىيە پارلامېنتى كاپالەتلىك قانۇنىنى ماقۇللاپ، پاپانى دەھرىي ھاكىمىيەت ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان، لېكىن پاپا ۋاتىكان، لاتىران ئىبادەتخانىسى (خرىستىئان دۇنياسىنىڭ ئىبادەتخانىلار ئانىسى) ۋە گامدورفۇ قەلئەسىدىكى يازلىق سارايغا ئىگە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. پاپانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت ھوقۇقىدىن ۋە ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى، مۇھاپىزەت قىسىملىرىنى ۋە كۈتكۈچىلەر قوشۇنىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى، دىنىي ۋەزىپە ئۆتەشتە مۇتلەق ئەركىنلىككە ئىگە ئىكەنلىكى ۋە ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلىش، دىپلوماتىك ۋەكىللەرنى ئەۋەتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان. ئىتالىيە ھۆكۈمىتى پاپانىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ھەر يىلى 3 مىليون 225 مىڭ لىرا ئاجرىتىپ بەرگەن. لېكىن پاپا پىئۇس Ⅸ ئۇنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان ھەمدە كاتولىك دىنىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلغان. 1929-يىلغا كەلگەندە ئىتالىيە ھۆكۈمىتى پاپا بىلەن «لاتىران شەرتنامىسى»نى ئىمزالىغاندىن كېيىن ماجىرا ئاخىرلاشقان.

پاپا مېرىدىئانى

  • پاپا مېرىدىئانى[يەشمىسى:]1494-يىلى پورتۇگالىيە بىلەن ئىسپانىيىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى ئايرىغان پاسىل سىزىقى. 1492-يىلى كولومبو «يېڭى قۇرۇقلۇق» نى تاپقاندىن كېيىن، پورتۇگالىيە بىلەن ئىسپانىيە بازار ۋە مۇستەملىكە تالىشىپ ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇش قىلغان. 1493-يىلى 5-ئايدا، رىم پاپاسى ئالېكساندر Ⅵ يارلىق ئېلان قىلىپ، ۋېردې تۇمشۇقى تاقىم ئاراللىرىنىڭ غەربىدىكى 100 لېگې (1 لېگى تەخمىنەن 6 كىلومېتر) كېلىدىغان جايدىن شىمالىي قۇتۇپتىن جەنۇبىي قۇتۇپقىچە بىر سىزىق سىزىپ، سىزىقنىڭ شەرقىي پورتۇگالىيىنىڭ تەسىر دائىرىسى قىلىنغان، سىزىقنىڭ غەربى ئىسپانىيىنىڭ تەسىر دائىرىسى قىلىنغان. 1494-يىلى 6-ئايدا، ئىككى دۆلەت مۇشۇنىڭغا ئاساسەن «توردېسللاس شەرتنامىسى» نى رەسمىي ئىمزالىغان ھەمدە بۇ سىزىقنى يەنە غەربكە 270 لېگې، تەخمىنەن غەربىي مېرىدىئان 34°04′ گىچە سۈرۈشكە قوشۇلغان. ماگېللان كېمىلىرى يەر شارىنى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت يەنە تىنچ ئوكياندا تالاش-تارتىش قىلغان. شۇنىڭ بىلەن 1529-يىلى «زاراگوزا شەرتنامىسى» ئىمزالانغان، ئۇنىڭدا مولوككا تاقىم ئاراللىرى (ھازىرقى مالۇكۇ تاقىم ئاراللىرى) نىڭ شەرقىدىكى °17 دىن بىر سىزىق سىزىپ، سىزىقنىڭ غەربىي پورتۇگالىيە تەسىر دائىرىسىگە، شەرقىي ئىسپانىيە تەسىر دائىرىسىگە مەنسۇپ بولۇش بەلگىلەنگەن. يۇقىرىدىكى ئىككى شەرتنامە مۇستەملىكىچى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيانى بۆلۈۋېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «جۇغراپىيىلىك چوڭ كەشپىيات»قا قاراڭ.

پاپېن

  • پاپېن[يەشمىسى:] Granz Von!Papen، 1879 — 1969)گېرمانىيىنىڭ زۇڭلىسى(1932). ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1907-يىلى ئاتلىق ئەسكەرلەر جۇڭۋىيسى بولغان. 1913-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش شتابىغا يۆتكەلگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاشنىڭ ئالدى-كەينىدە، مېكسىكا ۋە ئامېرىكىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئەمەلدارى بولغان، 1915-يىلى جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغاچقا ئامېرىكا چېگرىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1918-يىلى تۈركىيىنىڭ پەلەستىندە تۇرۇشلۇق تۆتىنچى ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن سىياسىي ساھەگە كىرىپ، پرۇسسىيە شتات پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ۋە كاتولىك دىنى مەركىزىي پارتىيىسىنىڭ ئوڭ قانات باشلىقلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. گېرمانىيە مونوپول كاپىتال گۇرۇھى بىلەن قۇدا چۈشۈش ئارقىلىق قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1932-يىلى 6-ئايدا زۇڭلى بولغا ھەمدە شۇ سەۋەبتىن كاتولىك دىنى مەركىزى پارتىيىسىدىن چىقىرىلغان. شۇ يىلى 12-ئايدا تەختتىن چۈشكەن. 1933-يىلى 1-ئايا، ناتسىستلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، گىتلېر ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغان. 1934-يىلى 7-ئايدا، گىتلېر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ ئىچكى كابىنېتتىن چىقىرىلغان ۋە ئاۋسترىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان (1936-يىلىدىن باشلاپ باش ئەلچى بولغان). گېرمانىيىنىڭ ئاۋسترىيىنى يۇتۇۋېلىشىغا ئاكتىپلىق بىلەن كۈچ چىقارغان. 1939 — 1944-يىللىرى تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. 1945-يىلى 4-ئايدا، رۇر دېگەن جايدا ئامېرىكا ئارمىيىسىگە ئەسىر چۈشكەن. ياندۇرقى يىلى نيۇرىنبېرگ خەلقئارا ھەربىي سوت تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن، ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىغان.

پاپىرۇس

  • پاپىرۇس[يەشمىسى:]«پاپىرۇسشۇناسلىق»قا قاراڭ.

پاپىرۇسشۇناسلىق

  • پاپىرۇسشۇناسلىق[يەشمىسى:]پاپىرۇسقا يېزىلغان قەدىمكى ھۈججەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. پاپىرۇس (Papayrus) قەدىمكى مىسىردىكى بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى ئۈچ مېتردەك كېلىدۇ. قەدىمكى مىسىرلىقلار پاپىرۇسنىڭ غولىنى تىلىپ پارچىلاپ تارشا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى خەت يېزىش ماتېرىيالى قىلىپ ئىشلەتكەن. بەزىلىرىنىڭ بىر پارچىسى بىر بەت قىلىنغان، بەزىلىرىنىڭ بىرقانچە پارچىسىنى چاپلاپ ئۇزۇن بەت قىلىپ، ياغاچ دەستىگە يۆگەپ يۆگەك قەغەز قىلغان. پاپىرۇس قەغەزگە يېزىلغان ھۈججەتلەر «پاپىرۇس كىتاب» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ مىسىر (ئاساسلىقى يۇقىرى مىسىر) دىن كۆپ تېپىلغان. مەسىلەن «ئىپوئورنىڭ پەند-نەسىھەتلىرى» (ھازىر گوللاندىيىنىڭ لېيدىن مۇزېيىدا ساقلانماقتا). پاپىرۇس «344 نومۇرى»، «خاررىس چوڭ پاپىرۇس كىتابى» قاتارلىقلار. مەزمۇن جەھەتتە ھۆكۈمەت ئالاقىلىرى، دىن، خەت-چەك، ئەدەبىيات، تىبابەتچىلىك، ماتېماتىكا قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ساقلىغۇچىلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغانلىرىمۇ بار. ئومۇمەن ئاممىباپ شەكىل ۋە روھانىيلارچە شەكىلدىكى يېزىق بىلەن يېزىلغان. «ئۆلگۈچىگە بېغىشلانغان كىتاب» لار تەسۋىرىي يېزىق «ئېروگلىف يېزىق» بىلەن يېزىلغان. قەدىمكى گرېكلار ۋە رىملىقلارمۇ پاپىرۇس قەغەزنى ئىشلەتكەن. ھازىرقى ئېنگلىز يېزىقىدىكى Paper (قەغەز) دېگەن سۆز «پاپىرۇس» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. 

پاپىنىيانۇس

  • پاپىنىيانۇس[يەشمىسى:]Aemilius Papinianus، تەخمىنەن 140 — 212) رىم قانۇنشۇناسى. سېپتىمىيۇس سېۋېرۇس خان تەختتىكى مەزگىللەردە گۇاردىيە ئەمەلدارى بولغان، قوشۇمچە ئەدلىيىنى باشقۇرغان. خان بىلەن بىرگە برىتانىيىگە بارغان. سېۋېرۇسنىڭ ئوغلى كاراكاللا (Caracalla، 211 — 217-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. ئۇ قانۇن بىلىملىرىنى پىششىق بىلىشى ۋە بىلىم دائىرىسىنىڭ كەڭ بولۇشى بىلەن شۆھرەت قازانغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «قانۇندىن سوراقلار» (37 پارچە)، جاكارلانغان ئەمىر-پەرمانلارنى تەرتىپ بويىچە رەتلىگەن: «قانۇندىن جاۋابلار» (19 پارچە) بولۇپ، جۈملىدىن قانۇن چۈشەندۈرۈشى ھەمدە ھەر خىل جىنايەتلەر (مەسىلەن، بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئوخشاش) شەرھلەنگەن. رىم ئىمپېرىيىسىدىكى تەسىرى بار قانۇنشۇناس «پاپىنانۇسچىلار» ئېقىمىنىڭ ياراتقۇچىسى.

پاتالىپۇترا

  • پاتالىپۇترا[يەشمىسى:]Pataliputra) قەدىمكى ھىندىستاندىكى ماگادا دۆلىتىنىڭ پايتەختى. ھازىرقى بىخار شتاتىنىڭ پاتنا شەھىرى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردە قۇرۇلغان، ماۋۇريا خانلىقى دەۋرىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ — Ⅳ ئەسىرلەردە) پايتەخت قىلىنغان. بۇ شەھەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 15 كىلومېتر، كەڭلىكى تەخمىنەن 8.2 كىلومېتر بولۇپ، ياغاچتا ياسالغان ھەيۋەتلىك شەھەر سېپىلىدە 570 راۋاق ۋە 64 دەرۋازىسى بولغان، شەھەر ئەتراپىنى كەڭ سېپىل خەندىكى ئوراپ تۇرغان. سودا-سانائەت راۋاج تاپقان بولۇپ، مېگاستېنېنىڭ خاتىرە قالدۇرۇشىچە، مەزكۇر شەھەردە قول سانائەت باشقۇرۇش جۇجۇقى، سودا باشقۇرۇش جۇجۇقى، سودا نىزاملىرىنى نازارەت قىلىش جۇجۇقى، تاۋارنىڭ سېتىلىش باھاسى بويىچە باج ئېلىش جۇجۇقى، مۇھاجىرلارنى كۈتۈۋېلىش جۇجۇقى ۋە تۇغۇلغان-ئۆلگەنلەرنى تىزىملاش جۇجۇقىدىن ئىبارەت 6 جۇجۇق تەسىس قىلىنغان. سۇنگا خانلىقى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرگىچە) دەۋرىدە يەنىلا پايتەخت قىلىنغان تاكى مىلادى Ⅳ ئەسىرگىچە يەنە گۇپتا خانلىقىنىڭ پايتەختى قىلىنغان. شەھەر ئىچىدىكى قۇرۇلۇشلار ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم بولۇپ جۇڭگونىڭ شەرقىي جىن سۇلالىسىلىق دراماپاترا يازغان «بۇددىزم ئەللىرىگە ساياھەت» دېگەن كىتابتا: «پاتالپۇترا-ئاسوكا ئىدارە قىلغان جاي بولۇپ، شەھەردىكى ئوردىنى ئىنسان ياسىغان بولماستىن، دۆ-پەرىلەرنى ئىشلىتىپ، تاشنى دۆۋىلەپ تام قوپۇرۇپ، خەت-نەقىش ئويدۇرغان»، دېيىلگەن. مىلادى Ⅶ ئەسىردە تاڭ دەۋرىدىكى شۇەنزاڭ ھىندىستاننى زىيارەت قىلغان چاغدا، بۇ شەھەر خاراب بولۇپ كەتكەنىدى.

پاتانجالى

  • پاتانجالى[يەشمىسى:]Patanjali، تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅱ ئەسىر) قەدىمكى ھىندىستانلىق سانسىكرت تىلى گرامماتىكىچىسى. ئۇنىڭ «ماخاباشىيا» (Mahabhashya) دېگەن ئەسىرىدە ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن بانېن تۈزگەن «گرامماتىكا» دېگەن كىتابقا تەپسىلىي ئىزاھ بېرىپ، سانسىكرت تىلى گرامماتىكىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە تۆھپە قوشقان. 

پاتان دۆلىتى

  • پاتان دۆلىتى[يەشمىسى:] ⅩⅤ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا نېپالنىڭ مارا خاندانلىقى پارچىلانغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن دۆلەت. پاتان (Patan) شەھىرىنى مەركەز قىلغان. سىددى ناراسىنخاماللا (Siddi Nara Sinha Malla) تەختتە ئولتۇرغان مەزگىل (1620 — 1661) دە، ئەدەبىيات-سەنئەتنى تەشەببۇس قىلىپ، چوڭ ئىبادەتخانا، ساراي قاتارلىقلارنى ياساتقان، بىناكارلىق تېخنىكىسى ئۈستۈن بولغان. پادىشاھلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئاقسۆڭەك ۋەزىرلەر ئوردا ھاكىمىيىتىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان، دۆلەت كۈچى ئاجىزلاشقان. 1768-يىلى گوركا (Gorkha) خاندانلىقى تەرىپىدىن!يوقىتىلغان. 

پاترونا خەلىل قوزغىلىڭى

  • پاترونا خەلىل قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] «ئىستانبۇل قوزغىلىڭى»غا قاراڭ. 

پاترىئارخال جەمەت

  • پاترىئارخال جەمەت[يەشمىسى:]جۈپ نىكاھلىق تۈزۈمىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن شەكىللەنگەن ئۇرۇقداشلىق فورماتسىيە. بۇ ياۋايىلىق مەزگىلىنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى باسقۇچىدىكى ئاتا (پاترىئارخال) جەمەت ئۇرۇقداشلىق مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىنكى سىنىپىي جەمئىيەتلەردە ئۇزۇنغىچە ساقلىنىپ قالغان. بارلىققا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە ئىپتىدائىي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك پرىنسىپلىرىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئۇرۇقداشلىقنى بىرلىك قىلغان ھالدا كوللېكتىپ ئىشلەپچىقىرىپ، كوللېكتىپ ئىستېمال قىلغان. باشقۇرۇش ھوقۇقى كۆپىنچە جەمەت كېڭىشىدە بولغان. كېيىنچە ئاتا-پاترىئارخالنىڭ ھوقۇقى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىپ، جەمەت ئەزالىرى ھەمدە مال-مۈلۈككە بولغان مۇتلەق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى شەكىللەنگەن. بالا-چاقىلىرى پۈتۈنلەي ئاتا-پاترىئارخالغا بېقىنغان. دېدەك، چاكار، قۇللىرى بولسا قۇل قىلىنىش ئورنىغا چۈشۈپ قالغان. مەسىلەن: قەدىمكى ئاسسۇرىيىنىڭ قانۇنىدا (مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا) بۇنى كۆرگىلى بولىدۇ. قەدىمكى رىم ئۇرۇقداشلىقى پاترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىقىنىڭ تىپى بولالايدۇ. رىمدا ئۇرۇقداشلىق ياكى ئائىلە (Familia) دېگەن سۆز بىر ئادەمگە قاراشلىق بارلىق قۇللارنى كۆرسەتكەن. ئاتىلىق ھوقۇقى تۈزۈمىدىكى جەمەتنىڭ ئالاھىدىلىكى: «بىرى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنغان كىشىلەرنى ئائىلىگە بېقىندۇرۇش، يەنە بىرى پاترىئارخاللىق ھوقۇقى»دىن ئىبارەت. («ماركس-ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى» 4-توم، خەلق نەشرىياتىنىڭ 1972-يىل نەشرى، 52-بەت، خەنزۇچە). پاترىئارخاللىق ھوقۇقى تۈزۈمىدىكى جەمەت مەۋجۇت بولغان دەسلەپكى مەزگىللەردە سىنىپىي قارىمۇ قارشىلىق ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە جۈپ نىكاھلىق جەمەتنىڭ بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمىدىكى جەمەتكە ئۆتۈشنىڭ ئۆتكۈنچى ھالقىسى بولغان. 

پاترىئارخاللىق تۈزۈمى

  • پاترىئارخاللىق تۈزۈمى[يەشمىسى:]پاترىئارخاللىق جەمەت ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى»گە قاراڭ. 

پاترىئارخاللىق جەمەت ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى

  • پاترىئارخاللىق جەمەت ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى[يەشمىسى:] ئەرلەر ھوقۇقلۇق ئورۇننى ئىگىلىگەن، قانداشلىق ۋە مال-مۈلۈككە بولغان ۋارىسلىقنى ئەر جەمەتكە قاراپ بەلگىلەيدىغان ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى. بۇ تۈزۈم ماترىئارخاللىق جەمەت ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىن كېيىن ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرلىرىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئومۇمەن ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى باسقۇچلىرىغا يەنى برونزا قورال دەۋرىدىن تۆمۈر قورال دەۋرىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىغا توغرا كېلىدۇ. قەھرىمانلىق دەۋرىدىكى (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅺ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە) گرېكلار، پادىشاھلىق دەۋرىدىكى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن Ⅵ ئەسىرگىچە) رىملىقلار، تاكىتۇس دەۋرىدىكى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىر) گېرمانلار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مۇشۇنداق تۈزۈم مەۋجۇت بولغان. مورگان بىلەن ماركس ۋە ئېنگېلسلار مۇشۇ مىساللارغا ئاساسەن ئۇ تۈزۈمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە پاترىئارخال جەمەت ئۇرۇقداشلىقنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى: ئومۇمەن ئېيتقاندا، بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى شارائىتىدا، ئەرلەر چارۋىچىلىق ۋە تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشتا ئاساسلىق يۈكنى كۆتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە جامائەت ئىشلىرىدا ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا دەسسىگەن، مال-مۈلۈككە بولغان ۋارىسلىق ئاتا تەرەپ قانداشلىقى بىلەن ھېسابلانغان. بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم (ئاتا — پاترىئارخال كۆپىنچە كۆپ خوتۇنلۇق بولاتتى) يولغا قويۇلغان، لېكىن ئاتا جەمەتنىڭ مال-مۈلكىگە بولغان ۋارىسلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، زۆرۈر تېپىلغاندا ئايال ۋارىس ئۇرۇقنىڭ ئىچكى قىسمىدا نىكاھلىنىشقا بولغان (ئۇرۇق ئىچىدە نىكاھلىنىشنى مەنئى قىلىش پرىنسىپى بۇزۇۋېتىلگەن). پاترىئارخال ئۇرۇق ئىچىدىكى چوڭ ئۇرۇقلار بىرقانچىلىغان ھۈرلەر ۋە قۇللاردىن (يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن). تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاتا — ئائىلە باشلىقى ئۇلارغا قارىتا بارغانسېرى زورىيىپ كېتىۋاتقان ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولغان. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ پاترىئارخال چوڭ ئۇرۇقلار پەيدىنپەي بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمىدىكى ئائىلىلەرگە پارچىلىنىپ كەتكەن. پاترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى ۋە تەسىرى سىنىپىي جەمئىيەتتە ئۇزاققىچە ساقلىنىپ قالغان. 

پاترىئارخاللىق قۇللۇق تۈزۈمى

  • پاترىئارخاللىق قۇللۇق تۈزۈمى[يەشمىسى:] «پاترىئارخال قۇللۇق تۈزۈمى»گە قاراڭ. 

پاترىئارخاللىق قۇللۇق تۈزۈمى

  • پاترىئارخاللىق قۇللۇق تۈزۈمى[يەشمىسى:] «پاترىئارخال قۇللۇق تۈزۈمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قۇللۇق تۈزۈمنىڭ بىر خىل شەكلى. ئومۇمەن ئېيتقاندا تەرەققىي تاپقان قۇللۇق تۈزۈمنىڭ تەكتى. ئاساسەن ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ يۇقىرى باسقۇچى (مەسىلەن، يۇناندىكى «قەھرىمانلىق دەۋرى»)دا پەيدا بولغان. ئۇ چاغدا چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق سەل تەرەققىي قىلىپ، ئەمگەك كۈچلىرىگە نىسبەتەن يېڭى ئېھتىياج كېلىپ چىققان، قوۋمدىكى ئاز سانلىق جەمەتلەر ئۇرۇشتا ئېلىنغان ئەسىرلەرنى، كېيىنرەك قەرزنى قايتۇرالمىغانلارنى قۇل قىلىپ، بەزى قوشۇمچە ئەمگەكلەرگە سېلىشقا باشلىغان؛ پاترىئارخال باشچىلىقىدىكى جەمەت ئەزالىرىمۇ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىدىن ئايرىلمىغان. سىنىپىي جەمئىيەت شەكىللەنگەندىن كېيىن، قۇللارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان بۇنداق شەكىل يەنە تەرەققىي قىلغان ھەمدە قەدىمكى زاماندىكى شەرق-غەرب دۆلەتلىرىدە كەڭ مەۋجۇت بولغان، پاترىئارخال يالغۇز قۇللارغىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز جەمەتىنىڭ ئەزالىرىغا نىسبەتەنمۇ ناھايىتى چوڭ ھوقۇققا ئىگە بولغان (خۇددى «ئاسسۇرىيە قانۇنى» دا كۆرگىنىمىزدەك). ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىنىڭ كېڭىيىشى ۋە تاۋار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قەدىمكى زامان جەمئىيىتىدىكى بەزى رايونلار (مەسىلەن، ئافىنا ۋە رىم) دا، پاترىئارخال قۇللۇق تۈزۈمى تەدرىجىي ھالدا تىپىك قۇللۇق تۈزۈمگە ئۆتكەن. پاترىئارخال قۇللۇق تۈزۈمى ئۆزىنىڭ قالدۇق شەكلى بىلەن فېئوداللىق جەمئىيەتتە ئۇزاق ۋاقىت ساقلانغان. «كلاسسىك قۇللۇق تۈزۈمى»گە قاراڭ.

پاترىخ

  • پاترىخ[يەشمىسى:]خرىستىئان دىنىي ئاتالغۇسى. لاتىنچە Patres Ecclesiae دېگەن سۆزدىن تەرجىمە قىلىنغان. بۇ «چېركاۋدىكى ئاقساقال» دېگەن مەنىدە. مىلادى Ⅷ — Ⅱ ئەسىرلەرگىچە (ياكى ⅩⅡ ئەسىرگىچە) خرىستىئان دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدە، رەسىم-قائىدە ۋە دىنىي تەشكىلاتلىرىنى بەرپا قىلغان ئاتاقلىق دىنىي ئەربابلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار چېركاۋ تەرىپىدىن ئاقساقال قاتارىدا ھۆرمەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ ئاساسلىقلىرى: تېرتوللىئان، ئامبوروسئۇس (مىلانلىق) (Ambrosius Mediolanensis، تەخمىنەن 339— 397)، گرېگورى (بۈيۈك) (Gregorius، 540 — 604) جۇن (دەمەشىقلىق) (Joannes Damascenus، تەخمىنەن 676 — 760) قاتارلىقلار. 

پاتېسى

  • پاتېسى[يەشمىسى:]Patesi) «ئېنسى» (ensi) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرى مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇمېرلارنىڭ شەھەر دۆلەتلىرى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ نامى. ئۇ ئەمىلى كىچىك پادىشاھ بولۇپ ياكى مىراس قىلغان، ياكى ئاقساقاللار كېڭىشىدە سايلام بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن. ئادەتتىكى چاغلاردا سىياسىي ئىشلارنى باشقۇرۇپ، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇرۇش ۋاقتىدا ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلغان؛ لېكىن ئۇنىڭ ھوقۇقى ئاقساقاللار كېڭىشى ۋە خەلق يىغىنىنىڭ مەلۇم چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان. مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى بىرلىككە كېلىشكە يۈزلىنىش جەريانىدا، پاتېسىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدىغان «لۇگال» (Lugal) دېگەن نام مەيدانغا كەلگەن.

پاتېل

  • پاتېل[يەشمىسى:]Vallabhbhai Sardar Patel، 1876 — 1950). ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ياش ۋاقتىدا ئەنگلىيىگە بېرىپ ئوقۇغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن ئەخمەت ئابات ئالىي سوتىدا ئادۋوكات بولغان ھەمدە خەلق كونگرېسى پارتىيىسىگە كىرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، گەندىگە ئەگىشىپ باردولىدا بولغان ساتياگراخا ھەرىكىتىگە قاتناشقان. دېھقانلار ئارىسىدا خىزمەت ئىشلەشكە ماھىر بولغاچقا، گەندىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولغان. 1931-يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىگە رەئىس بولغان. 1942-يىلى گەندى قوزغىغان «ھىندىستاندىن چىقىپ كېتىش» ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، مۇستەملىكىچى دائىرىلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ نەزەربەنت قىلىنغان. 1945-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. ئىككىنچى يىلى ھىندىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، مۇئاۋىن زۇڭلى ھەمدە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ، ئاساسەن بەگلىكلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلىگەن، كېيىنچە «ساردار پاتېل خەت-چەكلىرى توپلىمى» (10 قىسىم) نەشىر قىلىنغان. 

پاتىمە

  • پاتىمە[يەشمىسى:]Fatimah، 606 — 632) «فاتىمە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىسلام دىنىنى بەرپا قىلغۇچى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خەدىچەدىن تۇغۇلغان قىزى. تەخمىنەن مىلادى 623-يىلى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى، ھەزرىتى ئەلى بىلەن توي قىلغان. شىئەلەر «بۈۋى پاتىمە» دەپ تەرىپلىگەن. ھەزرىتى ئەلىدىن ئۈچ ئوغۇل، ئىككى قىز پەرزەنت كۆرگەن، بۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى دەپ ھېسابلانغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئىسلام دىنىدىكى شىئەلەر شىمالىي ئافرىقىدا پاتىمە سۇلالىسىنى قۇرغان. 

پاتىنو

  • پاتىنو[يەشمىسى:]Simon Ituri Patino، 1860 — 1947) بولىۋىيە قەلەي كېنىنىڭ خوجايىنى. ئاتا-بوۋىسى ئىندىئان — ياۋروپا مېتىسلىرىدىن. ياش ۋاقتىدا دۇكان خىزمەتچىسى بولغان، كېيىن بىر كاننىڭ قەرز ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىپ، تەدرىجىي ھالدا قەلەي كېنىنى ئېچىش ئىنژېنېرىغا ئايلانغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە مىليونېر بولغان. كۆپ ئۆتمەي ياۋروپاغا بېرىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 20-يىللاردا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قەلەي كان ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى كونترول قىلىپ، بولىۋىيە قەلەي كانلىرىنىڭ ئۈچ چوڭ خوجايىنى (باشقا ئىككىسى ئارامايو ۋە خوخچىلد تىن ئىبارەت) نىڭ بىرىگە ئايلانغان، ئامېرىكا، شۋېتسارىيە ۋە چىلى كاپىتالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە قارىماي، پايدا قوغلىشىپ، بولىۋېيىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن. 1924-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە فرانسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1940-يىلى نيۇ-يوركقا كۆچۈپ بېرىپ كېيىن شۇ جايدا ئۆلۈپ كەتكەن. 

پاجاڭ

  • پاجاڭ[يەشمىسى:]Pajang) «دېماك» (Demak)قا قاراڭ. 

پاجىئەلىك ھەپتە

  • پاجىئەلىك ھەپتە[يەشمىسى:]1909-يىلى 7-ئايدىكى ئىسپانىيىدىكى بارسېلونا (Barcelona) ئىشچىلار قوزغىلىڭى دەھشەتلىك باستۇرۇلغان بىر ھەپتە. 1909-يىلى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ماراكەشتە مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، بارسېلونادىكى زاپاس ھەربىيلەرنىڭ ئارمىيە بىلەن بىللە مېلىللا (Melilla) غا بېرىشىنى بۇيرۇپ، خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. 7-ئاينىڭ 26-كۈنى بارسېلونادا ئومۇمىي ئىش تاشلاش پارتلاپ، ئەتىسى ھۆكۈمەتكە ۋە چېركاۋغا قارشى قوزغىلاڭغا ئايلىنىپ كەتكەن ھەمدە تېزلىكتە كاتالونىيە (Catalonia)نىڭ ھەرقايسى بازار ۋە شەھەرلىرىگە كېڭەيگەن. ھۆكۈمەت ئەسكەر يۆتكەپ، 31-كۈنى قوزغىلاڭنى باستۇرغان، نۇرغۇنلىغان قوزغىلاڭچىلار قولغا ئېلىنىپ، 4 كىشى ئېتىلغان. ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىقى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلغار جامائەت پىكرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ ئىچكى كابىنېتى ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 

پاچچە ساقاۋ قوزغىلىڭى

  • پاچچە ساقاۋ قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]ئافغانىستان پادىشاھى ئامانوللانى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. قوزغىلاڭ باشلىقى پاچچە ساقاۋ (Bachcheh Saqow، مەنىسى سۇچىنىڭ ئوغلى) بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئافغانىستان پادىشاھى ئامانۇللا تەختتىكى مەزگىلىدە بىر قاتار ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى كونا كۈچلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. 1928-يىلى 9-ئايدا، ئەنگلىيىنىڭ قۇترىتىشى ۋە كۈشكۈرتۈشى ئارقىسىدا ئامانۇللاخانغا قارشى سىنۋار قوزغىلىڭى يۈز بەرگەن، شۇ چاغدا ئافغانىستان قوشۇنىدىكى پاچچە ساقاۋ قوشۇن باشلاپ، كابۇلغا يۈرۈش قىلغان ھەمدە 12-ئايدا كابۇلغا ھۇجۇم قىلغان. 1929-يىلى 1-ئايدا، ئامانۇللاخان تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولۇپ، قەندىھارغا قېچىپ كەتكەن. پاچچە ساقاۋ كابۇلغا كىرىپ ئۆزى خان بولۇپ، ھەبىبۇللا دەپ ئىسىم قويغان. شۇ يىلى 10-ئايدا نادىرخان تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

پاخارپۇر ئىبادەتخانىسى

  • پاخارپۇر ئىبادەتخانىسى[يەشمىسى:]Paharpur) مىلادى Ⅷ ئەسىر ئۆپچۆرىسىدىكى بۇددا دىنىي ئىمارىتىنىڭ خارابىسى. بېنگال خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ راجىشاھى (Rajishahi) شتاتىدا. بۇتخانىنىڭ ھەربىر تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 300 مېتر كېلىدۇ، ئوتتۇرا ھويلىسى 120 × 105 مېتر كېلىدۇ، ئېگىزلىكى 10 مېتر كېلىدىغان چوڭ مۇنارىسى بار، ئوتتۇرا ھويلا ئەتراپىدا 177 خانىلىق راھىبلار ئۆيى بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا پالا خاندانلىقىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد پادىشاھى داراپالا (Dharmapala، 770 — 810-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ياساتقان. مۇنارىنىڭ ئۇل سۇپىسىدىن قېزىۋېلىنغان تەخمىنەن 2800 پارچە ساپال ئەسۋاب، باي پالا سەنئەت ئۇسلۇبىدىكى ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

پادۇس دەرياسى

  • پادۇس دەرياسى[يەشمىسى:]Padus) قەدىمكى ئىتالىيىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا. يەنى ھازىرقى پو (Po) دەرياسى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ دەريانىڭ نامى قەدىمكى كېلت (گاللىيە) تىلىدىكى «پاد» (Padi) دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، «دەريا قىرغىقىدا ئۆسكەن قارىغاي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. قەدىمكى زاماندىكى يازغۇچىلار دائىم بۇ دەريانى ئېردانۇ (Eridanus) دەرياسى دەپ ئاتىغان. ئۇ ئالىپ تېغىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ۋېسۇلا (Vesula) تېغى، يەنى ۋىسو (Viso) تېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكىدىن باشلىنىپ شەرققە ئېقىپ ئۆزى ھاسىل قىلغان پو دەرياسى تۈزلەڭلىكى ئارقىلىق كۆپلىگەن تارماق ئېقىنلارغا بۆلۈنۈپ، ئادرىياتىك دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. پو دەرياسى تۈزلەڭلىكىنى رىملىقلار تاغ ئىچىدىكى گاللىيە (Gallia Cisalpina) ياكى تاغنىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيە دەپ ئاتايدۇ؛ ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىسى ئاساسەن كېلتلار (گاللىيىلىكلەر) بولۇپ، مەدەنىيىتى بىرقەدەر ئارقىدا قالغان. پو دەرياسى تۈزلەڭلىكى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ؛ دەريانىڭ جەنۇبىنى رىملىقلار ئىچكى پادۇس گاللىيە (Gallia Cispadana)، دەريانىڭ شىمالىنى تاشقى پادۇس گاللىيە (Gallia Transpadana) دەپ ئاتايدۇ. رىم ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جەريانىدا، داۋاملىق مۇنبەت پو دەرياسى تۈزلەڭلىكىگە قاراپ كېڭەيگەن. مىلادىدىن 225 — 222 يىل ئىلگىرى (مىلادىدىن 223 يىل ئىلگىرى فلامىنىي كونسۇل بولغان)، رىم ئاخىرقى ھېسابتا پۈتۈن پادۇس دەرياسى ۋادىسىنى قوشۇۋالغان؛ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە بۇ جايدا گاللىيە مەمۇرىي ئۆلكىسى تەسىس قىلىنغان. 

پادېرېۋىسكىي

  • پادېرېۋىسكىي[يەشمىسى:]Ignacy Jan Paderewski،1860 — 1941) پولشالىق پىئانىنوچى، زۇڭلى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1919 — 1920). ياش ۋاقتىدا ۋارشاۋا مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، كېيىن ۋېنادا لېشتىسكى(Teodor Leszetycki، 1830 — 1915) دىن بىلىم ئالغان. 1877-يىلىدىن باشلاپ دائىم ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئويۇن كۆرسەتكەن. 1915 — 1922-يىللىرى پولشانى مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشنى كۆزلەپ سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. 1922-يىلىدىن باشلاپ يەنە پىئانىنو چالغان. 1940-يىلى فرانسىيىدە پولشا قاچقۇنلار ھۆكۈمىتى مىللىي پارلامېنتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ شوپىننىڭ ئەسەرلىرىنى ئورۇنلاشقا ماھىرلىقى بىلەن مەشھۇر. «شوپىن ئەسەرلىرى» نىڭ باش تەھرىرى بولغان.

پادېرى ئۇرۇشى

  • پادېرى ئۇرۇشى[يەشمىسى:]مىناڭكا باۋ ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1822 — 1837-يىللىرى سۇماترانىڭ مىناڭكاباۋ (Minangkabau)رايونىدىكى پادېرى(Paderi) مۇرىتلىرىنىڭ گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى مىللىي ئۇرۇشى. رەھبىرى — ئىمام، بوندجول (Tuanku Imam Bond jol). پادېرى مەزھىپى ئىسلام دىنىنى ساپلاشتۇرۇپ، مۇرىتلارنىڭ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش ۋە قىمار ئوينىشىغا يول قويماسلىقنى، ئاياللارنىڭ چۈمبەل تارتىشىنى تەشەببۇس قىلاتتى. پادېرى مەزھىپى ئۆز تەشەببۇسلىرىنى قورال كۈچى ئارقىلىق يولغا قويۇپ، بوندجول (Bondjol) دا ھاكىمىيەت ئورناتقان. 1822-يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى سۇماترانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا كېڭىيىش ئۈچۈن، مىناڭكاباۋخان جەمەتلىرى بىلەن شەرتنامە تۈزۈپ، بىرلىكتە پادېرى ھەرىكىتىنى باستۇرغان. گوللاندىيە قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، ئىككى تەرەپ تىركىشىپ قالغان. 1825-يىلى دىپونېگورو (Pangeran Pipo Nigoro) ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى پادېرى ھەرىكىتى بىلەن سۈلھ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1833-يىلى گوللاندىيە كېلىشىمنى يىرتىپ تاشلاپ، قايتىدىن ھۇجۇمغا ئۆتكەن. 1837-يىل 8-ئايدا، گوللاندىيە بوندجولنى ئىستېلا قىلىپ، ئىمام بوندجولنى قولغا ئېلىپ، ئامبېئونغا سۈرگۈن قىلغان، شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. 

پادېس خىتابنامىسى

  • پادېس خىتابنامىسى[يەشمىسى:] رومىنىيىنىڭ ئىنقىلابىي ھۈججىتى. 1821-يىلى 1-ئايدا، تۇدور ۋىلادىمىرېسكۇ ۋالاخىيە قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە فېئوداللارنىڭ زۇلمىغا قارشى تۇرغان ھەمدە پادېس (Pades) تا خىتابنامە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: پومېشچىكلار ۋە ئىبادەتخانىلارنىڭ يەرلىرىنى دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىش، پومېشچىكلارنىڭ ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلىش؛ ئادالەت ۋە ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلىش. خىتابنامىنىڭ ئىلھامى ئاستىدا، قوزغىلاڭ تېزلىكتە ئولتېنىيە (Oltenia) دىن مونتېنىيە (Muntenia) گىچە، ھەتتا مولدۇۋانىڭ بەزى رايونلىرىغىچە كېڭەيگەن. 

پادىچىلار قوزغىلىڭى

  • پادىچىلار قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]Ⅷ ئەسىردىن ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە فرانسىيە بىلەن فلاندىرىيىدىكى دېھقانلار ۋە شەھەر خەلقىنىڭ فېئودالىزمغا قارشى قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىرى ئۆزىنى خۇدانىڭ «پادىچىلىرى» (فرانسۇزچە Pastoureaux) دەپ ئاتىغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1214-يىلى تۇنجى قېتىم كۆتۈرۈلگەن. 1251-يىلىدىكى قوزغىلاڭنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ۋېنگرىيىدىن كەلگەن ئاقساقال ياك رەھبەرلىك قىلغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى فلاندرىيە ۋە پىكاردى (Picardy، فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان) دىن يۈرۈش قىلىپ پارىژنى ئىشغال قىلىپ، كېيىن جەنۇبتا ئورلېئان ۋە تۇلغا يۈرۈش قىلغان. قوزغىلاڭچىلار يول بويى فېئودال قورغانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، فېئوداللار بىلەن مىسسىئونېرلارنى ئۆلتۈرگەن. كېيىن كورۇل ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان، ياك قۇربان بولغان. 1320-يىلى فلاندرىيىدە يەنە يېڭى قوزغىلاڭ پارتلاپ فرانسىيىنىڭ جەنۇبىغا تېزلىكتە كېڭەيگەن، بۇ قوزغىلاڭمۇ مەغلۇپ بولغان. 

پادىشاھ جىلغىسى

  • پادىشاھ جىلغىسى[يەشمىسى:]Biban el Muluk) گۆرۈستانلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى مىسىر يېڭى پادىشاھلىق دەۋرىدىكى فىرئەۋىنلەرنىڭ قەبرىستانلىقى. ئورنى يۇقىرى مىسىردىكى لۇكسور (Luxor) نىڭ نېرىقى قىرغىقىغا 10 كىلومېتر كېلىدىغان جايدىكى تېببىس جىلغىسىدا. يېڭى پادىشاھلىق دەۋرىدە، فىرئەۋىنلەرنىڭ نەزىر-چىراغ ئىبادەتخانىسى بىلەن قەبرىسى ئايرىپ ياسىتىلغان، نەزىر-چىراغ ئىبادەتخانىسى نىل دەرياسى جىلغىسىغا ياسالغان، قەبرىسى ئوغرىلىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نىسبەتەن يىراق جايدىكى تار سايغا ياسالغان.18-سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى تۇتموسⅠ(ThutmoseⅠ، تەخمىنەن مىلادىدىن 1525 — 1512 يىل ئىلگىرى تەختتە ئولتۇرغان) تۇنجى قېتىم جىلغىدا قەبرە ياساتقاندىن تارتىپ، 20-سۇلالىنىڭ ئاخىرقى ئەۋلاد پادىشاھى رامسېس Ⅺ (RamsesⅪ، مىلادىدىن 1113 — 1085 يىل ئىلگىرى تەختتە ئولتۇرغان) گىچە بولغان يېڭى پادىشاھلىق دەۋرىدىكى فىرئەۋىنلەر قەبرىسىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ جايغا ياسىتىلغان. جەمئىي 62 قەبرە بولۇپ، تۆتى غەربىي جىلغىغا، قالغىنى شەرقىي جىلغىغا جايلاشقان. قەبرە — تاش ئۆڭكۈر قەبرە بولۇپ، ئۇ پەلەمپەي، كارىدور، لەھەت ۋە ئىككى تەرەپتىكى ئۆي قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان. بەزى قەبرىلەرنىڭ يېرىم يولىدا ئورا كولاپ قويۇلغان. قەبرىنىڭ تەكشى يۈزىنىڭ تۈزۈلۈشى L ھەرپى شەكلىدە بولۇپ، 18-سۇلالىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن باشلاپ تۈز سىزىق شەكلىگە ئۆزگەرتىلگەن. لەخمىنىڭ تاش تاملىرى ۋە لەھەت تاملىرىغا نەقىش ۋە تەسۋىرىي يېزىق ئويۇلغان. دىن، تۇرمۇش، ئوۋ ئوۋلاش تېما قىلىنغان نەپىس تام رەسىملىرى ۋە رەڭلىك قاپارتما نەقىشلەرمۇ بار. تۇتىنكاموننىڭ قەبرىسىدىن باشقا قەبرىلەرنىڭ ھەممىسى ئوغرىلىنىپ كېتىلگەن بولۇپ، قوشۇپ كۆمۈلگەن نەرسىلەردىن تېپىلغىنى ناھايىتى ئاز. يېقىن ئەتراپتا «خانىكە جىلغىسى» (Bilan el Harim) بولۇپ، ئۇنىڭدا جەمئىي 75 قەبرە بار. ئۇنىڭ كۆپ قىسمى 19-، 20-خاندانلىقنىڭ خانىكىلىرى ۋە بانولىرىنىڭ قەبرىسى. ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى فىرئەۋىنلەرنىڭ قەبرىسىگە قارىغاندا ئاددىي. بۇنىڭ ئىچىدە مىسىر تارىخىدا مەشھۇر بولغان ئايال پادىشاھ خاتشېپسۇت(Hatshepsut)نىڭ قەبرىسى بار. بۇ قەبرىلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ھازىر يەنىلا ئەينى زاماندىكى مىسىر تاش قەبرىسىنىڭ كۆلىمىنى ۋە كامالەتكە يەتكەن سەنئەت سەۋىيىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

پادىشاھ سايلىغۇچى بەگلەر

  • پادىشاھ سايلىغۇچى بەگلەر[يەشمىسى:]مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىدە پادىشاھ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان بەگلەر. ⅩⅢ ئەسىردە يەتتىسى بولغان. ئۇلاردىن ئۈچ كىشى روھانىي بەگلەر، يەنى ماينىز ئارخىئېپىسكوپى، ترىئېر ۋە كولون، تۆت كىشى دەھرىي بەگلەر. يەنى ساكسون كىنەزى، براندىنبۇرگ مارك گرافى، رېيندىكى گراف پفالز ۋە چېخ كورۇلى ئىدى. 1356-يىلى ئىمپېراتور چارلېس Ⅳ «ئالتۇن تامغىلىق يارلىق» نى ئېلان قىلىپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يەتتە بەگنىڭ پادىشاھ سايلاش ئىمتىيازىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان. پادىشاھ سايلىغۇچى بەگلەر تۈزۈمى پادىشاھ ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، گېرمانىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى بۆلۈنۈشىنى تېزلىتىۋەتكەن. 1623-يىلى باۋارىيە كىنەزى رېيندىكى گراف پفالزنىڭ ئورنىغا دەسسەپ پادىشاھ سايلىغۇچى بەگ بولغان. 1648-يىلى «ۋىستافارىيە سۈلھ شەرتنامىسى» غا ئاساسەن گراف پفالز يېڭىباشتىن پادىشاھ سايلىغۇچى بەگ بولغان، شۇنداق قىلىپ پادىشاھ سايلىغۇچى بەگ سەككىزگە كۆپەيگەن. 1692-يىلى كىنەز ھاننوۋېر پادىشاھ سايلىغۇچى بەگ بولغان. كېيىن پادىشاھ سايلىغۇچى بەگلەرنىڭ سانى يەنە كۆپەيگەن. 1806-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ھالاك بولغاندىن كېيىن پادىشاھ سايلىغۇچى بەگلەر قايتا مەۋجۇت بولمىغان.

پادىشاھقا خىزمەت قىلىش ھەرىكىتى

  • پادىشاھقا خىزمەت قىلىش ھەرىكىتى[يەشمىسى:] 1885 — 1896-يىللاردا ۋيېتنامدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار رەھبەرلىك قىلغان فرانسىيىگە قارشى قوراللىق كۈرەش. «ئۇقۇمۇشلۇق مۆتىۋەرلەر ھەرىكىتى» دەپمۇ ئاتالغان. «ئۇقۇمۇشلۇق مۆتىۋەرلەر»نىڭ تولىسى پېنسىيىگە چىققان ئەمەلدارلار ياكى يېزىلاردىكى خەتمە كەردىلەردىن ئىبارەت بولغان. 1885-يىلى 7-ئايدا، خان جەمەتى زۇڭشىشو شۇنخۇادىكى فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن پادىشاھ شيەنيىدى (رۇۋەن فۇمىڭ) بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇقۇمۇشلۇق مۆتىۋەرلەرگە پادىشاھقا خىزمەت قىلىش يارلىقىنى چىقىرىپ، ئۇلارنى ئەسكەر تارتىپ چىقىپ پادىشاھقا خىزمەت قىلىشقا چاقىرغان. ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق مۆتىۋەرلەر «پادىشاھقا سادىق بولۇپ ۋەتەننى سۆيۈش» بايرىقى ئاستىدا، «پادىشاھقا خىزمەت قىلىش قوشۇنى» نى ئۇيۇشتۇرۇپ، فرانسىيىگە قارشى قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆلىمى بىرقەدەر زور بولغانلىرى: 1885 — 1886-يىللاردىكى فەن تىڭفېڭ رەھبەرلىك قىلغان شياڭشى قوزغىلىڭى، 1885 — 1889-يىللاردىكى رۇۋەن شەنشۇنىڭ شىنئەندى ئورمانلىقىدىكى قوزغىلىڭى؛ 1886 — 1887-يىللاردىكى فەنپېڭ، دىڭ گوڭجۇاڭ، خې ۋېنماۋلارنىڭ چىڭخۇا — باتىنلاردىكى قوزغىلىڭى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى بۇ ھەرىكەتكە قارىتا باستۇرۇش بىلەن پارچىلاش بىرلەشتۈرۈلگەن سىياسەتنى قوللانغان. 1888-يىلى پادىشاھ شيەن يىدى ئەسىرگە ئېلىنىپ، زۇڭشىشو جۇڭگوغا قېچىپ بېرىپ ئۆلگەن، جايلاردىكى قوزغىلاڭلار ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە فەن تىڭفېڭ رەھبەرلىك قىلغان شياڭشى قوزغىلىڭى 1896-يىلىغىچە داۋاملاشقان.

پادىشاھ گۇاڭكەيتۇ

  • پادىشاھ گۇاڭكەيتۇ[يەشمىسى:]374— 413) يەنى پادىشاھ خاۋتەي، كۇرىيە پادىشاھى. (392 — 413-يىللاردا). تەختتە تۇرغان چاغدا پېكچىگە ھۇجۇم قىلغان، ياپونىيە-پېكچى بىرلەشمە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، سىللانى بويسۇندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى بېسىۋالغان، شۇنداقلا لياۋدۇڭ تۈزلەڭلىكىدىكى شىنچېڭ (ھازىرقى جۇڭگونىڭ فۇشۈن شەھىرى) ۋە لياۋدۇڭ شەھىرىنى (يەنى جۇڭگونىڭ لياۋياڭ شەھىرى) ئىشغال قىلىۋالغان، قۇللۇق تۈزۈم ئاساسىدىكى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرغان. ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى پادىشاھ گۇاڭكەيتۇ ئابىدىسىغا يېزىلغان (جۇڭگو جىلىن ئۆلكىسىدىكى جىئەن دېگەن يېرىدە). 

پادىشاھلىق ئادەم

  • پادىشاھلىق ئادەم[يەشمىسى:]1) ياپونىيىنىڭ كاماكۇرا دەۋرىدىكى سەركەردە بىلەن خوجايىنلىق-بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتە بولغان سامۇرايلار. يەنى مىناموتوسېنانىڭ شۇگنات قۇرۇشىغا قاتناشقان سامۇرايلار بولۇپ، باشقا سامۇرايلاردىن پەرقلىنىدۇ. ئۇلار مۇھاپىزەتچى، يەر بېشىلىققا تەيىنلىنەتتى، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مەجبۇرىيىتى بولۇپ، ئۇرۇش ۋاقتىدا ئارمىيىدە ئەسكەر بولاتتى، ئادەتتىكى چاغلاردا سياگۇن تۇرۇشلۇق جاينى قوغدايتتى، بۇنداق سامۇرايلار شوگناتتىكى ھەربىي تەشكىلاتنىڭ ئاساسى ئىدى. مۇروماچى دەۋرىگە بارغاندا، خوجايىنلىق-بېقىندىلىق مۇناسىۋەت ئىسمى بار جىسمى يوق بولۇپ، ئائىلە تەبىقىسىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. يېغىلىق دەۋرىدە سياگۇنغا قاراشلىق چاپارمەنلەرنى كۆرسىتىدىغان بولدى. (2) ياپونىيىنىڭ دوگاۋا دەۋرىدىكى سەردارغا بىۋاسىتە قاراشلىق چاپارمەنلەرنىڭ بىر قىسمى. ئۇلارنىڭ ئورنى تۇغچى سامۇرايلاردىن تۆۋەن بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 260 قاپ ئاشلىق مائاش ئالاتتى، ئۇلار تۇغچى سامۇرايلار بىلەن قوشۇپ بىۋاسىتە قارايدىغان سامۇرايلار دەپ ئاتىلاتتى. دوگاۋانىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن كېيىن، پادىشاھلىق ئادەملىرىنىڭ ئىچىدىكى نامراتلار باي كىشىلەرنىڭ بالىلىرىنى بېقىۋالىدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن سامۇراي تەركىبىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. 

پادىشاھلىق باغ پەرمانى

  • پادىشاھلىق باغ پەرمانى[يەشمىسى:]يەنە «گۈللۈك پەرمانى» دەپمۇ ئاتالغان. تۈركىيە سۇلتانى ئېلان قىلغان ئىسلاھات توغرىسىدىكى پەرمان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، تۈركىيە ھۆكۈمران گۇرۇھىدىكى ياۋروپادا تەربىيىلەنگەن بىر قىسىم ئەمەلدارلار ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1839-يىلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق تۈركىيە-مىسىر ئۇرۇشىدا، تۈركىيە ئارمىيىسى مەغلۇپ بولغان. ئىمپېرىيىنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن، ئىسلاھاتچىلارنىڭ داھىيسى، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى مۇستاپا رەشىد پاشا (Mustafa Reshid Pasha، 1799 ياكى 1802 — 1858) سۇلتان ئابدۇل. مەجىد (Abd al _ Mejid، 1823 — 1861) نى ئىسلاھات قىلىشقا كۆندۈرگەن، شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى رەشىد ئوردىدىكى گۈللۈكتە ۋەزىر، يۇقىرى دەرىجىلىك ئاخۇنلارغا ۋە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئەلچىلىرىگە ئۆزى يېزىپ چىقىپ، سۇلتاننىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلاھات پەرمانىنى ئوقۇپ بەرگەن. بۇ پەرماندا ئىمپېرىيىدىكى ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ جىسمانىي، نام-ئابروي ۋە مال-مۈلكىنىڭ دەخلى-تەرۇزسىزلىكى ھوقۇقىدىن بىردەك بەھرىمەن بولىدىغانلىقى؛ باج تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىدىغانلىقى؛ دائىمىي ھەربىي خىزمەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقى؛ قانۇنچىلىق ئاپپاراتلىرى تەسىس قىلىنىدىغانلىقى ۋەھاكازالار بەلگىلەنگەن. بۇ پەرمان تارىختا «پادىشاھلىق باغ پەرمانى» دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ جاكارلىنىشى تۈركىيە «تانزىمات» ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان. 

پادىشاھ كوتائېئو

  • پادىشاھ كوتائېئو[يەشمىسى:] «پادىشاھ كوۋاڭگائېتئو»غا قاراڭ.

پادىشاھ ماگۇ

  • پادىشاھ ماگۇ[يەشمىسى:] «پادىشاھ مۇنگو» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. يەنى «راماⅥ».

پادىشاھ ۋىللىيام ئۇرۇشى

  • پادىشاھ ۋىللىيام ئۇرۇشى[يەشمىسى:]1689 — 1697-يىللىرى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرنى تالىشىش يولىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى (ياۋروپادا ئاۋگۇسبۇرگ ئىتتىپاقى ئۇرۇشى دەپ ئاتىغان). ئەنگلىيە كورۇلى ۋىللىيام Ⅲ (يەنى ۋىللىيام ئورانگې) ياۋ-روپادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ، فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅩⅣ نىڭ ياۋروپاغا زومىگەر بولۇشىغا قارشى تۇرغان. لېكىن فرانسىيە گراف فرونتېناكنىڭ (Louis de Buade, Camte de Frontenac، 1620 — 1698) ئىندىئانلارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق 1690-يىلى 2-ئايدا نيۇ-يوركتىكى سېكېنېكتادى (Schenectady) دېگەن جاينى ئىشغال قىلىۋالغان. ئەنگلىيىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى مەغلۇپ بولغان. 1697-يىلى ئىككى تەرەپ «رىجىسۋىك سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان، ئەنگلىيە فرانسىيىنىڭ ئۇرۇش داۋامىدا ئىگىلىۋالغان رايونلىرىنىڭ فرانسىيىگە مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان شۇنىڭدەك ئەنگلىيە بېسىۋالغان رويال پورتىنى فرانسىيىگە قايتۇرۇپ بەرگەن. 

پادىللا

  • پادىللا[يەشمىسى:]Juan Lopezde Padilla، تەخمىنەن 1490—1521-يىللار). 1520 — 1522-يىللىرىدىكى ئىسپانىيە شەھەر كوممۇناسى قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تولېدو (Toledo)، شەھەرلىك پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1520-يىلى 7-ئايدا قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ باش قوماندانى بولغان. قوزغىلاڭ پۈتكۈل كاستېرنى دېگۈدەك قاپلىغان. كېيىن كۈرەش ئىرادىسى قەتئىي بولمىغانلىقتىن، كورۇلنىڭ ۋەكىلى بىلەن سۈلھ قىلماقچى بولغان. 1521-يىل 4 -ئاينىڭ 23 -كۈنى، ۋىللالار (Villalar) ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن. ئىككىنچى كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن. 

پاراكراماباخۇ

  • پاراكراماباخۇ[يەشمىسى:]ParakramabahuⅠ، تەخمىنەن 1123 — 1186) سىرىلانكىدىكى سىنگاللار پادىشاھى (1153 — 1186). 1140-يىلى غەربىي جەنۇبتىكى داككىنادېسا (Dakkinadasa) نىڭ خوجىدارى بولغان. سۇغىرىش ئىنشائاتلىرىنى ياساپ، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، مەمۇرىي سىستېمىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ئارمىيىنى كېڭەيتكەن. 1153-يىلى شىمالدىكى راجاراتتا (Rajaratta) رايونىنى قوشۇۋېلىپ، پولوننا رۇۋا دېگەن جايدا پادىشاھ بولغان. كېيىن شەرقىي جەنۇبتىكى روخۇنا رايونىنى بويسۇن دۇرۇپ، پۈتۈن ئارالنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1164-يىلى ۋە 1169-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، قوشۇن تارتىپ شەرقىي جەنۇبتىكى بىرما ۋە جەنۇبىي ھىندىستاندىكى پاندىيە پادىشاھلىقىغا يۈرۈش قىلغان. 

پاراگۋاي ئۇرۇشى

  • پاراگۋاي ئۇرۇشى[يەشمىسى:]برازىلىيە، ئارگېنتىنا، ئۇراگۋايدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ پاراگۋاي بىلەن بولغان ئۇرۇشى. بۇ يەنە ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشىمۇ دېيىلىدۇ. 1864-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ كۈشكۈرتىشى ۋە مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا، برازىلىيە ئۇراگۋايغا تاجاۋۇز قىلغان. پاراگۋاي ئۇراگۋاينىڭ ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاپ، برازىلىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. پاراگۋاي برازىلىيىگە ھۇجۇم قىلىشى ئۈچۈن، ئارگېنتىنادىن يول سورىغاندا رەت قىلىنغانلىقتىن، يەنە ئارگېنتىنا بىلەن ئۇرۇشقان. كېيىن برازىلىيە، ئارگېنتىنا ئۇراگۋايدىكى قىزىل پارتىيىنى يۆلەپ تەختكە چىقارغان ھەمدە 1865-يىلى 5-ئايدا ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاق تۈزۈپ، برازىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى ئاساسىي كۈچ قىلىپ، پاراگۋايغا تاجاۋۇز قىلغان. 1870-يىلى 3-ئايدا ئاكۇيدابان (Aquidaban) دەرياسى ھەل قىلغۇچ جېڭىدە، پاراگۋاي مەغلۇپ بولۇپ، سۈلھ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1872-يىلدىكى كېلىشىمدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پاراگۋاي ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ناھايىتى كۆپ تۆلەم پۇلى بېرىشكە ھەمدە زېمىنىنىڭ يېرىمىنى برازىلىيە ۋە ئارگېنتىناغا كېسىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇرۇش مەزگىلىدە، پاراگۋاي ئاھالىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى تالاپەتكە ئۇچرىغان، لاتىن ئامېرىكىسى تارىخىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك ئۇرۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 

پارامېسۋارا

  • پارامېسۋارا[يەشمىسى:]Paramesvara،؟ — 1424) مالاككا دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئېيتىلىشىچە، ئەسلى بالېمباڭنىڭ شاھزادىسى ئىكەن. مادجاپائىت دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا نارازى بولۇپ، تەخمىنەن 1400-يىلى توماسىك (سىنگاپور) غا قېچىپ كەتكەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي سىيامنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن يەنە مالاككاغا بېرىپ، 1403-يىلى مالاككا دۆلىتىنى قۇرغان. دەسلەپ سىيامغا تەۋە بولغان، كېيىن مۇستەقىلىككە ئېرىشكەن. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. جۇڭگوغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. 1411-يىلى (مىڭ سۇلالىسى يوڭلىنىڭ 9-يىلى) جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، تەنتەنىلىك كۈتۈۋېلىشقا مۇيەسسەر بولغان.

پارتېنوپا جۇمھۇرىيىتى

  • پارتېنوپا جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:]ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدا نېئاپولنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت. 1799-يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىككى سىتسىلىيە پادىشاھلىقىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، بوربون خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن بۇ جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇپ، ئۇنى نېئاپولنىڭ قەدىمكى نامى بىلەن پارتېنوپا (Parthenopa) دەپ ئاتىغان. 1-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، بەزى ئىلغار ئىسلاھاتلار يولغا قويۇلغان. 4-ئاينىڭ 25-كۈنى فېئوداللىق ھوقۇقلارنى بىكار قىلىش توغرىسىدا قانۇن-پەرمان ماقۇللانغان. لېكىن دېھقانلارنىڭ يەرگە بولغان تەلىپى قاندۇرۇلمىغاچقا، جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسى ئاجىزلاشقان، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ زوراۋانلىقىمۇ خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. 5-ئايدا فرانسىيە ئارمىيىسى ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا مەغلۇپ بولۇپ، نېئاپولدا تۇرۇشلۇق قوشۇننى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسى قىزىل تونلۇق ئېپىسكوپ روففو (Fabriziodi Ruffo Bagnara، 1744 — 1827) نىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەكسىيەتچىل ئارمىيە ئەنگلىيە فلوتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا نېئاپولنى ئىشغال قىلغان. بوربون خاندانلىقى تىرىلگەن. جۇمھۇرىيەتچىلەر قانلىق قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان.

پارچىلىنىشنىڭ بىۋاسىتە ئىزىغا قاراپ دەۋرگە بۆلۈش

  • پارچىلىنىشنىڭ بىۋاسىتە ئىزىغا قاراپ دەۋرگە بۆلۈش[يەشمىسى:]رادىئاتسىيىدىن زەخىملەنگەن بىۋاسىتە ئىز سانىدىن پايدىلىنىپ، ئارخېئولوگىيە ۋە گېئولوگىيىلىك ئەۋرىشكىلەرنىڭ دەۋرىنى ئۆلچەپ بېكىتىش ئۇسۇلى. ئەۋرىشكىدىكى بىۋاسىتە ئىزلار مىنېراللار ۋە ئەينەكتىكى ئۇرانلىق ئارىلاشمىنىڭ ئۆزلۈكىدىن پارچىلىنىشىدىن پەيدا بولغان. بىۋاسىتە ئىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون نەچچە مىكرومېتر بولسىمۇ، ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىرقانچە مىليارد يىلغا يېتىدۇ. ئەمما جىسىم قىزدۇرۇلۇپ، تېمپېراتۇرىسى مەلۇم بىر نۇقتىغا يەتكەندە، بىۋاسىتە ئىزلار يوقايدۇ. مۇشۇ ھادىسىگە ئاساسلانغاندا، پەقەت جىسىمدىكى ئۆزلۈكىدىن پارچىلانغان بىۋاسىتە ئىزلىرىنىڭ زىچلىقى ۋە تەركىبىدىكى ئۇران مىقدارى ئۆلچەپ تېپىلسىلا، بۇ جىسىم ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قىزىغاندىن بۇيان ئۆتكەن ۋاقىتنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. پارچىلىنىش بىۋاسىتە ئىزنىڭ دەۋرىنى ئۆلچەپ بېكىتكىلى بولىدىغان ماددىلار يۈز خىلدىن ئاشىدۇ. ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغانلىرى ئاق چىرىمتال، زىركونىي ۋە شىلېشى قاتارلىق ئون نەچچە خىل مىنېرال ۋە ھەر خىل تەبىئىي، سۈنئىي ئەينەكلەردىن ئىبارەت. فارفور قاچا-قۇچىلارنىڭ ئۈستىدىكى رەڭلىك ئېمال، سۈنئىي ئۇران ئەينىكى ۋە ساپال قاچىلاردىكى بەزى مىنېراللارمۇ بولۇۋېرىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا ئۆلچىنىدىغان دەۋرلەرنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، يۇقىرىقى چېكى 4 مىليارد 500 مىليون يىللىق قۇياش سىستېمىسىنىڭ يېشىنى تېپىش مۇمكىن بولسا، تۆۋەنكى چېكىدە يېشى يۈز يىلغا يەتمەيدىغان پەرداز ئەينىكىنىڭ يىلىنى تېپىشقا بولىدۇ. 

پاررىڭتۇن

  • پاررىڭتۇن[يەشمىسى:]Vernon Louis Parrington، 1871 — 1929) ئامېرىكا تارىخشۇناسى. 1893-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1908 — 1929-يىللىرى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىنگلىز تىلىدىن دەرس ئۆتكەن، 1912-يىلى پروفېسسور بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ئىدىيە تەرەققىيات تارىخىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان. پۈتۈن ئۆمرىدىكى زېھىن كۈچىنى سەرپ قىلىپ، پەلسەپە، سەنئەت، ئىجتىمائىيەت ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق قاتارلىق كەڭ ساھەگە ئائىت بولغان ئۈچ توملۇق، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالغان «ئامېرىكىدىكى ئىدىيىلەرنىڭ ئاساسىي ئېقىمى» ناملىق بىركىتابنى يېزىپ چىققان، ئۇ ئامېرىكا تارىخى تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ كىتابنىڭ ئالدىنقى ئىككى تومى 1928-يىلى پۇلىتىسېر (Pulitzer) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

پارسۋا

  • پارسۋا[يەشمىسى:]Parsva) قەدىمكى ھىندىستاندىكى بۇددا پەيلاسوپى. كۇشانىيە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى كانىشكا (مىلادى Ⅱ ئەسىر) بىلەن دەۋرداش بولۇپ، دائىم ئوردىغا كىرىپ-چىقىپ تۇرغان. شۇ چاغدا كۇشانىيە ماھايانا بۇددا دىنىنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە تارقىتىدىغان مەركەز بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا پارسۋا 500 نەپەر كاتتا راھىپنى يىغىپ، ۋاسۇمىترانى تۆردە ئولتۇرغۇزۇپ، كاشمىرا (ھازىرقى كەشمىر) دا بۇددا نوملىرىنى تۆتىنچى قېتىم توپلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، سۇتراپىتاكا، ۋىنا ياپىتاكا، ئابخىد خارماپىتاكادىن ئىبارەت ئۈچ پىتاكانىڭ ھەربىرىنى 100 مىڭ مەدھىيە قىلىپ، جەمئىي 9 مىليون 600 مىڭ سۆزلۈك بۇددا نومى قىلىشنى ئورۇندىغان. 

پارفېنون ئىبادەتخانىسى

  • پارفېنون ئىبادەتخانىسى[يەشمىسى:]Parthenon) يەنى ئافىنا ئىبادەتخانىسى. قەدىمكى يۇناننىڭ ئافىنا شەھەر دۆلىتى ئۆزىنىڭ ھامىيسى، مەبۇدە ئافىنا پارفېنون (Athene Parthenos) غا نەزىر-چىراغ قىلىش ئۈچۈن ياسىغان ئىبادەتخانا. مىلادىدىن 447 — 431 يىل ئىلگىرى پېرىكل ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلىدە ياسالغان. پۈتۈنلەي ئاق مەرمەر تاشتىن ياسالغان بولۇپ، ئافىنا شەھىرىدىكى بىنالار ئىچىدە مەشھۇر بىنا ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 70 مېترچە، كەڭلىكى 30 مېترچە، ئېگىزلىكى 20 مېترچە كېلىدۇ؛ تۈۋرۈكى دوريان (Дорян) چە ئۇسلۇبتا (ئاددىي، توم) بولۇپ، ئەتراپىنى 46 تۈۋرۈك ئوراپ تۇرىدۇ. ئىبادەتخانىنى ئىكتىن (Ictinus) بىلەن كاللىكرات (Callicrates) لايىھىلىگەن، لېكىن پۈتۈن قۇرۇلۇش فىدىياسنىڭ نازارىتى ۋە يېتەكچىلىكى ئاستىدا پۈتكەن. يان تېمىغا قەدىمكى زاماندىكى قەھرىمانلار توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر ئويۇلغان، ئوتتۇرىسىدىكى تېمىغا ئافىنانىڭ جاھان كېزىپ يۈرگەن چوڭ ئىشلىرىنىڭ خاتىرىسى (تۆت ئەتراپىدىكى توغرا تېمىغا 92 پارچە قاپارتما نەقىش چۈشۈرۈلگەن) ئويۇلغان بولۇپ، ئىنتايىن نەپىس ئىشلەنگەن. ئايۋاندا فىدىياسنىڭ ئالتۇن ۋە پىل چىشى بىلەن نەقىشلىگەن ئافىنانىڭ ھەيكىلى بار. بىنانىڭ پۈتۈن قۇرۇلمىسى كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپ، قەدىمكى يۇناننىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىش دەۋرىدىكى بىناكارلىق ۋە نەققاشچىلىقىنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. 1687-يىلدىكى تۈركىيە بىلەن ۋېنېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلىنغان. توماس ئېلگىن (Thomas Elgin) ئۇنىڭ بۇرۇنقى سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ پارچىلىرىنى يىغىپ ئەنگلىيىگە ئېلىپ كەتكەن، 1816-يىلى دۆلەت ئۇنى سېتىۋېلىپ، لوندون مۇزېيىدا ساقلىغان؛ بۇ مۇزېيدا يەنە پارفېنون ئىبادەتخانىسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ياسالغان مودېلى ساقلانماقتا. ئافىنا مۇھاپىزەت شەھىرى مۇزېيىدىمۇ ئۇنىڭ سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ پارچىلىرى ساقلانماقتا. ھازىرغىچە يەنە ئىبادەتخانىنىڭ خارابىسى ساقلانماقتا. 

پارفىيە

  • پارفىيە[يەشمىسى:] «ئارساك»قا قاراڭ.

پارك

  • پارك[يەشمىسى:]1)(Mungo Park، 1771 — 1806). ئەنگلىيە ئېكسپېدىتسىيىچىسى. شوتلاندىيە دوختۇرى. 1792-يىلى ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ھەربىي دوختۇرى بولۇپ، ئەنگلىيە بىلەن شەرق سۇ يولى ئوتتۇرىسىدا بېرىپ-كېلىپ، سۇماترادىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلارنى تەتقىق قىلغان. 1795-يىلى ئەنگلىيە ئافرىقا جەمئىيىتىنىڭ ھاۋالە قىلىشى بىلەن نېگىر دەرياسىنى قېزىپ تەكشۈرۈشكە بارغان. ئەرەب قەبىلە باشلىقى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان. 1796-يىلى 7-ئايدا قېچىپ كەتكەن. ئۇ شەرققە مېڭىپ نېگىر دەرياسى بويىدىكى سېگو (Segou) غا، ئاندىن سېللا (Silla) غا بارغان. كېيىن قايتىپ كېلىپ، جەنۇبنى قېزىپ تەكشۈرۈشكە بارغان. 1797-يىلى ئەنگلىيىگە قايتىپ كەلگەن. 1799-يىلى «ئافرىقا ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى ساياھەت» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، داڭقى چىققان. 1805-يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالە قىلىشى بىلەن يەنە نېگىر دەرياسىنى قېزىپ تەكشۈرۈشكە بارغان، بۇسسا (Bussa نېگىرىيىگە قاراشلىق، ھازىر كېيكى سۇ ئامبىرىنىڭ ئاستىدا قالغان) ئەتراپىدىكى تېز ئاقىدىغان سۇنىڭ ئۇشتۇمتۇت زەربىسىدە تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن. (2) فرانسىس ۋېيلاند پاركېر (Francis Wayland Parker، 1837 — 1902) ئامېرىكا پېداگوكى. يېڭى ھامپىشىر شتاتىدا تۇغۇلغان. جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، پودپولكوۋنىكلىككە ئۆستۈرۈلگەن. 1872 — 1875-يىللىرى گېرمانىيە بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرۇشقا بارغان ھەمدە فرانسىيە، ئىتالىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ساياھەت قىلغان. 1875 — 1880-يىللىرى ماسساچۇسېت شتاتى كونىسى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ تۇرغاندا، «كونىسى مائارىپ قانۇنى» نى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ ئامېرىكا «تەرەققىيپەرۋەر مائارىپ ھەرىكىتى» نىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەشەببۇسچىسى. 1880-يىلى بوستون باشلانغۇچ مەكتەپ نازارەتچىسى بولغان. 1883-يىلى چىكاگو كورك ناھىيىلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ مۇدىرى بولغان. 1901-يىلى بۇ مەكتەپنى چىكاگو مائارىپ ئىنستىتۇتىغا ئۆزگەرتكەندىن كېيىن مەكتەپنىڭ باش نازارەتچىسى بولغان. «شەكىلۋازلىق» مائارىپىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ، مائارىپ ئىجتىمائىي پائالىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى كېرەك، دېگەننى تەكىتلىگەن. بالىلارنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى كۆرسىتىشىگە ئەھمىيەت بەرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە سۆھبەت»، «جۇغراپىيىنى قانداق ئۆگىنىش كېرەك» قاتارلىقلار بار.

پارك چۇڭ خېي

  • پارك چۇڭ خېي[يەشمىسى:]1917 — 1979) جەنۇبىي چاۋشيەن زۇڭتۇڭى (1963 — 1979). كيوڭساڭ-بۇكدونىڭ شەنشەن ۋىلايىتىدىن. 1937-يىلى تائېگو پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1940-يىلى قورچاق مانجۇرىيە شىنجىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ تەييارلىق بۆلۈمىگە كىرگەن، 1942-يىلى ياپونىيىگە بېرىپ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپى مەخسۇس كەسپىدە ئوقۇغان. 1944-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قورچاق مانجۇرىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدە ئوفىتسېر بولغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، چاۋشيەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇپ، 1946-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. 1950-يىلى ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىدىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاخبارات ئىدارىسى بىرىنچى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1953-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ، توپچى ئەسكەرلەر مەكتىپىدە ئوقۇغان، كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ، توپچى ئەسكەرلەر مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە توپچى ئەسكەرلەر قوماندانى بولغان. 1957-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن جۇنتۈەننىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، ھەربىي لازىمەتلىكلەر بازىسىنىڭ قوماندانى، ئىككىنچى ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان. 1961-يىل 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىپ «دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئالىي كومىتېتى» نىڭ رەئىسى بولغان. 1962-يىلى 3-ئايدا زۇڭتۇڭ يىنپۇشەننىڭ ئىستېپا بېرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، مۇۋەققەت زۇڭتۇڭ بولۇپ، ھاكىمىيەتنى ئىگىلىۋالغان ھەمدە دەرھال «پەۋقۇلئاددە ھەربىي ھالەت بۇيرۇقى» ئېلان قىلىپ، ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس تاشلىشىنى مەنئى قىلغان. سىرتقا قارىتا، ئامېرىكىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئەگىشىپ، ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، چاۋشيەن-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، «ياپونىيە-چاۋشيەن شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. 1978-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى بولغان، ئىككىنچى يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى قول ئاستىدىكى خادىم، مەركىزىي ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جىنزەيگۈي تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

پاركمان

  • پاركمان[يەشمىسى:]Frncis Parkman، 1823 — 1893). ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس. ياش ۋاقتىدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. كېيىن قانۇن ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. مەخسۇس ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىنى تالىشىش ئۇرۇشى تارىخىنى تەتقىق قىلغان. ئورېگون قاتارلىق جايلارنى كەڭ كۆلەمدە ساياھەت قىلىپ، غەربىي قىسىمدىكى ئىندىئانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن ھەمدە كانادا ۋە ياۋروپا قاتارلىق جايلارنى بىرقانچە قېتىم زىيارەت قىلىپ، مول ماتېرىيال توپلىغان. 1853 — 1863-يىللىرى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشى سەۋەبلىك، ئېغىر كېسەل ئۇنى چىرمىۋالغاچقا، تارىخ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان. شۇنىڭ بىلەن كەسپىنى ئورمانچىلىققا يۆتكەپ، بۇنىڭدىمۇ نەتىجە قازانغان. 1868-يىلى خارۋارد ئۇنىۋىرسىتېتىنىڭ تەپتىشى بولغان. 1871-يىلى ئورمانچىلىق پروفېسسورى بولغان. 1875 — 1888-يىللىرى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باھالاش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان. ئۇنىڭ «ئورېگۇندىكى ئىز»، «پونتېئاركتىكى توپىلاڭ خاتىرىلىرى» ۋە «ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە شىمالىي ئامېرىكىدا» قاتارلىق توپلاملىرى بار. 

پارلامېنت

  • پارلامېنت[يەشمىسى:]1)بۇ فرانسۇزچە (Parlement) نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ⅩⅢ ئەسىردىن ⅩⅧ ئەسىرگىچە فرانسىيىدىكى ئالىي سوت مەھكىمىسى فرانسىيە كورۇلى لۇئى Ⅸ تەختتىكى مەزگىلىدە (1226 — 1270)، پارىژ پارلامېنتىنى تەسىس قىلغان. كېيىن خانلىققا تەۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردە ئۆلكىلىك پارلامېنت تەسىس قىلىنىپ، بۇلار ئۆلكىنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى بولغان. پارىژ پارلامېنتى كورۇل ئېلان قىلغان يارلىقنى تىزىملاشقا مەسئۇل بولغان (تىزىملانمىغانلىرى قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولمىغان) ھەمدە يارلىقتىكى مەزمۇنغا قارىتا ئوخشىمايدىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھوقۇقلۇق بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە دۆلەتنىڭ ئالىي ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسى بولغان. ⅩⅥ ئەسىردىن ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە پارلامېنت فرانسىيە مۇستەبىت خانلىق ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەشنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1790-يىلى فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. (2) ئىنگلىزچە Parliament نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، ئەسلىدە ئەنگلىيە فېئوداللىق جەمئىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى تەبىقە يىغىنى بولۇپ، بۇرژۇئا ئىنقىلابىي دەۋرىدە پارلامېنتقا ئۆزگەرتىلگەن. كېيىن ئومۇمەن كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولغان.

پارلامېنت پەرمانىنى بىكار قىلىش ھوقۇقى

  • پارلامېنت پەرمانىنى بىكار قىلىش ھوقۇقى[يەشمىسى:]ئامېرىكىدىكى بىر شتاتنىڭ ئۆز شتاتىدا قوشما شتاتلار پارلامېنتى ماقۇللىغان قانۇننى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاپ ئۇنى يولغا قويماسلىق ھوقۇقى. دەسلەپتە ئۇ 1798 — 1799-يىللىرى جېففېرسون، مادىسون ۋەكىللىكىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان شتات ھوقۇقى نەزەرىيىسى ئىدى. 1832-يىلى، جەنۇبتىكى ئېكىنزارلىق ئىگىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان جەنۇبىي كارولىنا شتاتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى، شۇ چاغدىلا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ كالخون ئۇنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئۇنىڭغا يېڭى مەنە قوشۇپ، ھەرقايسى شتاتلار ئۆز شتاتىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئىتىگە ئاساسەن قوشما شتات پارلامېنتىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىش-قىلماسلىقنى شتات پارلامېنتى ئارقىلىق بەلگىلىسە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بەكمۇ يۇقىرى بولغان قوغدىنىش چېگرا بېجى نىسبىتىگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت. جەنۇبىي كارولىنا شتات پارلامېنتى پارلامېنت ماقۇللىغان چېگرا بېجى قانۇنىنىڭ ئۆزىنى چۈشەپ قويالمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، قوشما شتات ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ شتاتتا چېگرا بېجى يىغىشنى مەنئى قىلغان ھەمدە قوشما شتات ھۆكۈمىتى ئەگەر قورال كۈچىگە مۇراجىئەت قىلسا، قوشما شتاتتىن ئايرىلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتا زۇڭتۇڭ جېففېرسون مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، شتات ھوقۇقى نەزەرىيىسىگە رەددىيە بېرىپ، جەنۇبىي كارولىنا شتاتىنىڭ ئۇسۇلى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ، دەپ جاكارلىغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پارلامېنتقا يول كۆرسىتىپ 1833-يىلى ئىككى تۈرلۈك قانۇن ماقۇللاتقان: «ئارمىيە ئىشلىتىش قانۇنى»دا زۇڭتۇڭنىڭ چېگرا بېجى قانۇنىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئارمىيە ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بەرگەن؛ «باج نىسبىتىنى مۇرەسسەلەشتۈرۈش قانۇنى» دا پۈتۈن باج نىسبىتىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىش بەلگىلەنگەن. جەنۇبىي كارولىنا شتات پارلامېنتى پارلامېنتنىڭ 1832-يىلدىكى چېگرا بېجى قانۇنىغا قاراتقان مەنئى قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پارلامېنتمۇ «ئارمىيە ئىشلىتىش قانۇنى» نى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.

پارلامېنت مەزگىلىدىكى ئىتتىپاق

  • پارلامېنت مەزگىلىدىكى ئىتتىپاق[يەشمىسى:]«ۋەتەنپەرۋەرلەر جەمئىيىتى»گە قاراڭ. 

پارلامېنت ئىسلاھاتى

  • پارلامېنت ئىسلاھاتى[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىردە ئەنگلىيىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەر قېتىملىق پارلامېنت ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىلىشى. ئۇ يېڭىدىن گۈللەنگەن سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ سىياسىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قايتىدىن تەقسىم قىلىش ۋە سايلام ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا يەر ئاقسۆڭەكلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان سىياسىي ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى. پارلامېنتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئۈچ قېتىم چوڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان. (1) 1832-يىلىدىكى پارلامېنت ئىسلاھاتى. بۇرژۇئازىيىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتلىك سىياسىي بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلىرى خويگ پارتىيىسى ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىپ، خەلق ھەرىكىتىنىڭ داغدۇغىسىدىن پايدىلىنىپ، نامايىش قىلىش قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەردىكى كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، پارلامېنتنى 1832-يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنى قانۇن لايىھىسى ماقۇللاشقا مەجبۇر قىلىپ، 56 «خارابلاشقان سايلام رايونى» (ئورنى يېزىلارغا جايلاشقان، ئاھالىسى بولمىغان، پومېشچىكلار پارلامېنت ئەزالىرىنى تەيىنلەپ ئەۋەتىدىغان سايلام رايونلىرىنى كۆرسىتىدۇ) نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ سايلام ھوقۇقىنى كېڭەيتكەن. (2) 1867-يىلدىكى پارلامېنت ئىسلاھاتى ئەنگلىيىدە كاپىتالىزمنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سانائەت بۇرژۇئازىيىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي ھۆكۈمرانلىققا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇششاق بۇرژۇئازىيە بىلەن پرولېتارىياتمۇ ئومۇم سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك كۈرەش ئېلىپ بارغان. مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسى ھۆكۈمىتى 1867-يىلى يېڭى سايلام قانۇنىنى ماقۇللاشقا مەجبۇر بولغان، سايلىغۇچىلارنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىدىن ئىككى مىليون 500 نەچچە مىڭ كىشىگە يەتكەن. ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ۋە بىر قىسىم ئىشچىلار سايلام ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. (3) 1884-يىلدىكى پارلامېنت ئىسلاھاتى. جوزېف چېمبېرلېن ۋەكىللىكىدىكى لىبېراللار گلادىستون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن ماقۇللىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى ۋە ئۇششاق ئىجارىكەشلەرنى سايلام ھوقۇقىغا ئىگە قىلغان.

پارمېنىدېس

  • پارمېنىدېس[يەشمىسى:]Parmenides، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 513 — ؟ يىللار) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى، ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېلېئا (Elea) دا دۇنياغا كەلگەن. سىنوپانېس ۋە پروتاگوراسچىلاردىن بولغان ئامېئىنئاس (Ameinias) تىن تەلىم ئالغان. پلاتوننىڭ «پارمېنىدېس ئەسەرلىرى» دە خاتىرىلىنىشىچە، ئۇ 65 ياش ۋاقتىدا (تەخمىنەن مىلادىدىن 448 يىل ئىلگىرى)، شاگىرتى زېنون (ئىلسالىق) بىلەن بىرگە ئافېناغا بېرىپ، ئافېنانىڭ چوڭ بايرىمىغا قاتناشقانلىقىدىن ئۇنىڭ ياشانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەن «تەبىئەت توغرىسىدا» دېگەن ماقالە پارچىلىرى، بىر قىسىم چۈشىنىش تەس بولغان نەسىھەت خاراكتېرلىك شېئىر جۈملىلىرى، ئۇنىڭ پەلسەپىۋى كۆز قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ھېراكلىتوس (Heraklotos) نىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە، ئۇ، بارلىق شەيئىلەرنىڭ مەنبەسى ماددا ئەمەس، بەلكى ئابستراكت مەڭگۈلۈك «مەۋجۇدىيەت»، «مەۋجۇدىيەت» ھەم قايتا پەيدا بولمايدىغان، ھەم يوقالمايدىغان، باش-ئايىغى بولمىغان مۇتلەق تۇرغۇن نەرسە دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ھۆكۈمى، مەۋجۇت بولغانلىكى نەرسە مەۋجۇت، مەۋجۇت بولمىغانلىكى نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. بار نەرسە يوقالمايدۇ، يوق نەرسە ھەم قايتا پەيدا بولمايدۇ؛ پەيدا بولمىغان نەرسە يوقالمايدىكەن، ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشمۇ مۇمكىن ئەمەس؛ كىشىلەر تەرىپىدىن ئىدراك قىلىنغان شەيئىلەرنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئۆزگىرىشى ساختا بولۇپ، تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ (ئەقلىي جەھەتتىن ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ) دېگەندىن ئىبارەت. تەپەككۇر قىلىش بىلەن مەۋجۇتلۇقنىڭ بىردەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. ئادەتتە تەپەككۇر قىلىشقا مۇمكىن بولمىغان نەرسە بىلەن مەۋجۇت نەرسە ماھىيەتتە بىر دەپ ھېسابلىغان. ئۇ زېنو (Zono) بىلەن بىرلىكتە ئىدېئالىزم ۋە مېتافىزىكىنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، بىر قاتار دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ خىل مۇتلەق تۇرغۇن «مەۋجۇدىيەت تەلىماتى» تاگوراسىچىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەپلاتوننىڭ ئىدىيە توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. بەزىلەر ئۇنى ئېلىيا ئېقىمىنىڭ ياراتقۇچىسى ھېسابلايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئۇستازى سىنېئوپانېسنى بۇ ئېقىمنىڭ پېشىۋاسى دېگۈچىلەرمۇ بار.

پارنېل

  • پارنېل[يەشمىسى:]Charles Stewart Parnell، 1846 — 1891). ئېرلاندىيە مىللەتچىسى. ئېرلاندىيە ئاپتونومىيىچىلىرىنىڭ داھىيسى. 1879-يىلى ئېرلاندىيە دېھقانلىرىنىڭ يەر ئىسلاھاتىنى قولغا كەلتۈرىدىغان يەر-زېمىن ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى بولغان. 1879 — 1880-يىللىرى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئېرلاندىيىلىكلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشقان.1881— 1882-يىللىرى تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، پارلامېنتنىڭ ئېرلاندىيىنىڭ يەر-زېمىنىگە ئائىت قانۇننى ماقۇللىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقتىن، قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. تۈرمىدە ھۆكۈمەت بىلەن مۇرەسسەلىشىپ، زوراۋانلىق كۈچ ئىشلەتمەي كۈرەش ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلۇپ، بوشىتىلغان. 1887-يىلى يەنە سىياسىي قاتىللىق جىنايىتى بىلەن قارىلانغان. كېيىن نىكاھ مەسىلىسىدە جامائەتچىلىكنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراش سەۋەبلىك، سىياسىي تەسىرى ئاستا-ئاستا ئاجىزلىشىپ كەتكەن.

پاروس

  • پاروس[يەشمىسى:]Paros) ئېگېي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى ئارال. گرېتسىيىگە تەۋە. شەرقتە ناكسوس ئارىلى بىلەن، شىمالدا دېلوس ئارىلى بىلەن قوشنا. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىسى كرىتلار بولۇپ، كېيىن ئىيونىيىلىكلەر كۆچۈپ كېلىپ بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ھەمدە تېز تەرەققىي قىلىپ زورايغان، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئېگېي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقى تەرەپلەردە (مەسىلەن: تاسوس (Thasos) ئاراللىرى، ھېللېسپونت ئەتراپىدىكى پارىئۇم (Parum) شەھىرى مۇستەملىكىچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. پېرسىيە ئىمپېرىيىسى تەرەپكە قاراپ كېڭەيمىچىلىك قىلغان ۋاقىتلاردا بىر مەزگىل ئۇنىڭغا بويسۇنغان. مارافون جېڭىدىن (مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى) كېيىن، ئافىنا گېنېرالى مىلتىئادىس بۇ ئارالنى ئىگىلىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ مەغلۇپ بولغان. سالامى دېڭىز ئۇرۇشىدىن (مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى) كېيىن، ئاخىرى ئافىنا رەھبەرلىكىدىكى دېڭىز ئۈستى ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. بۇ ئارالدىن مەرمەر تاش كۆپ چىققاچقا، قەدىمكى زاماندىكى ھەيكەلتىراشلارنى ئالىي سۈپەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن؛ مەرمەر تاش (Marble) دېگەن ئىسىم، مەزكۇر ئارالدىكى بىر تاغ مارپېسسا (Marpessa) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. بارروئوس قەدىمكى يۇنان لىرىك شائىرى ئاركىلوكوس (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ — Ⅷ ئەسىرلەر) نىڭ يۇرتى. ئارالدىكى تۇنجى شەھەرنىڭ نامىمۇ بارروئوس (غەربىي قىرغاقتا) بولۇپ، ⅩⅦ ئەسىردىكى ئارخېئولوگلار بۇ خارابىنى قېزىپ، مەرمەر تاشقا ئويۇلغان ئويما يېزىق «بارروئوس يىلنامىسى» نى تاپقان. بۇنىڭدا ئەڭ قەدىمكى كېركولوف دەۋرى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅥ ئەسىر) دىن تارتىپ، تاكى مىلادىدىن 264 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىكى دىئوگنېتۇس ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىكى يۇناننىڭ ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي ۋەقەلىرى خاتىرىلەنگەن. بۇ ھازىر ئەنگلىيە ئوكسفوردتا ساقلانماقتا. 

پاروس ماياكى

  • پاروس ماياكى[يەشمىسى:]قەدىمكى مىسىردىكى ئالېكساندرىيە ماياكى. قەدىمكى دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزىنىڭ بىرى. تەخمىنەن مىلادىدىن 283 يىل ئىلگىرى (پتولېمىي سۇلالىسى دەۋرىدە). كېندوسلۇق سوسترات دېگەن ئادەم لايىھىلىگەن بولۇپ، ئالېكساندرىيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر كىچىك ئارالغا ياسالغان؛ ماياك ۋە كىچىك ئارالنىڭ ھەر ئىككىسى پاروس دەپ ئاتالغان. تاشتىن ياسالغان سۈنئىي توسما ئارقىلىق شەھەر بىلەن كىچىك ئارالنى تۇتاشتۇرۇپ، ئالېكساندرىيىدىكى ئىككى پورتنى شەكىللەندۈرگەن. ماياكنىڭ لايىھىلىنىشى بابىلوندىكى «مۇنارىلىق ئىبادەتخانا» غا تەقلىد قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن قۇرۇلۇش كۆلىمى ئۇنىڭكىدىن چوڭ. ماياكنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 146 مېتر (36 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئېگىزلىكىگە باراۋەر كېلىدۇ) بولۇپ، ئۈچ قەۋەتتىن تەركىب تاپقان، يەنى تۆۋەنكى قىسمى چاسا شەكىللىك ئۇل،ئوتتۇرا قىسمى سەككىز قىرلىق مۇنار، ئۈستۈنكى قىسمى سىلىندىر شەكىللىك چىراغ راۋىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە نۇر قايتۇرغۇچى ئەينەك ئورنىتىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كېچىسى 40 كىلومېتر دائىرىنى يورۇتۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزدا قاتنايدىغان كېمىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ سودا ھەم ھەربىي جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئالېكساندرىيە پورتىنىڭ ئېغىزى ھېسابلانغان پاروس «يۇنانلاشقان» مىسىر ئىقتىسادىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى بولغان شۇنداقلا مىسىر ۋە شۇ رايوننىڭ يەنىمۇ روناق تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پاروس ماياكى 1326-يىلغىچە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان، كېيىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. 

پارېتو

  • پارېتو[يەشمىسى:]Vilfredo Pareto، 1848 — 1923) ئىتالىيە ئىقتىسادشۇناسى ۋە سوتسولوگى. لوزاننا ئېقىمىدىكىلەرنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى. پارىژدا تۇغۇلغان. ئاتىسى گېنويىلىك ئاقسۆڭەك، مادزىنچى بولۇپ، ئەركىن جۇمھۇرىيەتنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن فرانسىيىگە كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا مەجبۇر بولغان. 1869-يىلى تۇرىن ئالىي سانائەت داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن تۆمۈركان ئىنژېنېرى بولغان، لېكىن ئۆزلۈكىدىن ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىيەتشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىپ، مۇھىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. 1893-يىلى تەكلىپ بىلەن شۋېتسارىيە لوزاننا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد پروفېسسورى بولغان. ئۇزاق ۋاقىت شۋېتسارىيىدە ئولتۇراقلاشقان. ماتېماتىكىنى ئىقتىساد نەزەرىيىسىگە تەتبىقلىغان ھەمدە ئىجتىمائىي ھەرىكەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ مۇۋاپىقلىقى ۋە يولسىزلىقىنىڭ ئامىلىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنى ئىقتىسادىي دەۋر قىلىش نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسى قىلغان. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنى مۇۋاپىق تەقسىم قىلغاندا، ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىققا يەتكىلى بولىدۇ؛ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتە سىنىپتىن خالى بولغىلى بولمايدۇ، دەپ قاراپ، مەشھۇر ئەربابلار ھۆكۈمرانلىق قىلىش نەزەرىيىسىنى تەشەببۇس قىلغان. فاشىستلار ئۇنىڭ نەزەرىيىسىدىن پايدىلانغان. ئۇنىڭ «سىياسىي ئىقتىساد دەرسلىكى»، «سوتسولوگىيە سىستېمىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

پارىژدىكى بۈۋى مەريەم چېركاۋى

  • پارىژدىكى بۈۋى مەريەم چېركاۋى[يەشمىسى:]فرانسىيىدىكى ئەڭ چوڭ كاتولىك چېركاۋى، ئورنى پارىژدىكى سېنا دەرياسىدىكى ئارالنىڭ شەرقىي تەرىپىدە. بۇ ياۋروپا بويىچە دەسلەپ قۇرۇلغان گوستىكچە بىناكارلىق ۋە نەققاشلىق سەنئىتىنىڭ نامايەندىسى، قۇرۇلمىسىنىڭ مۇتاناسىپلىقى، كۆركەملىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. جەمئىي ئۈچ خانىقادىن تەركىب تاپقان. 1163يىلى ئىش باشلىنىپ، پاپا ئالېكساندرⅢ (Alexander Ⅲ، 1159 — 1181-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ۋە فرانسىيە كورۇلى لۇئىⅦ لار ئۇل قويغان، 1320-يىلى قۇرۇلۇش تاماملانغان، ئۇلى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى فرانسىيە مورۋېن خاندانلىقى دەۋرىدىكى ئېپىسكوپ تۇرغان زالنىڭ خارابىسىدىن ئىبارەت. پۈتكۈل قۇرۇلۇشنىڭ ئۇزۇنلۇقى 130 مېتر، كەڭلىكى47 مېتر، ئوتتۇرا قىسمىدىكى خانىقا تورۇسىنىڭ ئېگىزلىكى 35 مېتر، بىر جۈپ سائەتلىك مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 69 مېتر كېلىدۇ. خانىقادا ⅩⅢ ئەسىردىن ⅩⅦ ئەسىرگىچە بولغان نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇملىرى ساقلانغان.

پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى

  • پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:]1) يەتتە يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىن، ئەنگلىيە بىر تەرەپ، فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە باشقا بىر تەرەپ بولۇپ، 1763-يىل 2-ئاينىڭ 10-كۈنى پارىژدا ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسى. كېيىن پورتۇگالىيىمۇ قاتناشقان. شەرتنامىگە ئاساسەن، فرانسىيە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كۆپ قىسىم قارام جايلاردىن ۋاز كەچكەن، كانادا ۋە مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى يەرلەر (يېڭى ئورلېئاندىن باشقىلار) نى ئەنگلىيىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن؛ غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدا ئەنگلىيە يەنە فرانسىيىنىڭ قولىدىن ترېنىدات ۋە تۇباگو، گرىنادا، سېنت-ۋىنسېنت قاتارلىق ئاراللارغا ئېرىشكەن؛ ئىسپانىيە كۇباغا قايتىدىن ئېرىشكەن، بىراق فلورىدانى ئەنگلىيىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇنىڭ ئورنىغا لۇئىزىيانانىڭ غەربىي قىسمى تولۇقلاپ بېرىلگەن؛ فرانسىيىنىڭ ھىندىستاندىكى قارام جايلىرى تارايغان، پەقەت پوندىچېرى قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى بەش شەھەرنى ساقلاپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە ۋە ئۇنىڭ مۇستەملىكىلىرىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن. شەرتنامە ئەنگلىيىنىڭ دېڭىزدىكى زومىگەرلىكىنى ئورنىتىپ، فرانسىيىنىڭ چەت ئەللەردىكى كۈچىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ھىندىستاننى تالىشىش كۈرىشى ئەنگلىيىنىڭ غەلىبە قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشقان. (2) «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى» مۇ دېيىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش شەرتنامىسى. 1783-يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى پارىژدا ئىمزالانغان. بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن: ئەنگلىيە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلغان، ئۇنىڭغا قارىتا بولغۇسى بارلىق تەلەپلەردىن ۋاز كەچكەن ھەمدە بارلىق دېڭىز، قۇرۇقلۇق ئارمىيىلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشقا كاپالەت بەرگەن. ئامېرىكا تەرەپ پادىشاھپەرەسلەرنى ھەمدە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكىنىڭ چېگرىسىنى بېكىتكەن، كانادا يەنىلا ئەنگلىيىگە تەۋە بولۇپ قېلىۋەرگەن. (3) فرانسىيىنىڭ ئالتىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر (روسىيە، ئاۋسترىيە، پرۇسسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر) بىلەن 1814-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى پارىژدا ئىمزالىغان سۈلھ كېلىشىمى. كېلىشىمگە ئاساسەن فرانسىيە 1792-يىلىدىكى چېگرىسىنى سەل-پەل كېڭەيتكەن؛ گوللاندىيە، شۋېتسارىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىتالىيىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر (ئاۋسترىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن باشقا) مۇستەقىللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، ساردىگنا پادىشاھلىقى بۇرۇنقى زېمىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن؛ مالتا ئارىلى ئەنگلىيىگە تەۋە بولغان، چەت ئەللەردىكى مۇستەملىكىلەر مۇۋاپىق ھالدا تەڭشەلگەن، فرانسىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى تاللېيراند ئىتتىپاقداشلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، سۈلھ كېلىشىمىنى فرانسىيىگە پايدىلىق قىلىپ ئىمزالىغان. (4) فرانسىيىنىڭ يەتتىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن 1815-يىل 11-ئاينىڭ 20-كۈنى پارىژدا ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسى. شەرتنامىگە ئاساسەن، فرانسىيە مەلۇم ستراتېگىيىلىك نۇقتىلىرىدىن ئايرىلغاندىن باشقا، ئاساسىي جەھەتتىن 1790-يىلىدىكى چېگرىسىنى ساقلاپ قالغان؛ فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مۇداپىئە رايونى، 3 — 5 يىللىق قەرەلدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ 150 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان؛ فرانسىيە ئىشغالىيەت ھەققىنى ئۈستىگە ئالغان ھەمدە يەتتە مىليارد فرانسىيە فرانىكى تۆلەم تۆلىگەن. ئومۇمەن مەزكۇر شەرتنامىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان 1814-يىلدىكى «پارىژ سۈلھ كېلىشىمى» ۋە ۋېنا يىغىنىدىكى ئومۇمىي كېلىشىمدىكى بارلىق ماددىلار يەنە بىر قېتىم ئېتىراپ قىلىنغان. (5) قىرىم ئۇرۇشىنى (1853 — 1856) ئاخىرلاشتۇرغان سۈلھ كېلىشىمى. 1856-يىل 3-ئاينىڭ 30-كۈنى، روسىيە بىلەن ئەنگلىيە، فرانسىيە، تۈركىيە، ساردىگنا، پرۇسسىيە ۋە ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پارىژ يىغىنىدا ئىمزالىغان. كېلىشىمگە ئاساسەن، روسىيە بىلەن تۈركىيە ئۆزئارا ئىگىلىۋالغان زېمىنلارنى قايتۇرۇش؛ قارا دېڭىزنى بىتەرەپ رايون دەپ ئېلان قىلىش، روسىيە بىلەن تۈركىيە قارا دېڭىزدا فىلوت ئورۇنلاشتۇرماسلىق ۋە دېڭىز بويلىرىغا قورغان سالماسلىق؛ داردانىل بوغىزى ۋە بوسفور بوغۇزىدا بارلىق چەت ئەل ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ قاتنىشىنى مەنئى قىلىش؛ دوناي دەرياسىدا خەلقئارالىق كومىتېتنىڭ نازارەتچىلىكىدە ئەركىن قاتناشنى يولغا قويۇش؛ دوناي دەرياسى ئېغىزى بىلەن سارابىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىرقىسىم جايلارنى مولداۋىيىگە بۆلۈپ بېرىش؛ روسىيىنىڭ دوناي دەرياسى بويىدىكى ھەرقايسى بەگلىكلەرنى قوغداش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاش بەلگىلەنگەن. شەرتنامە روسىيىنىڭ ياۋروپا ۋە يېقىن شەرقتىكى تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرغان. 1870-يىلى روسىيە پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىدىكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قارا دېڭىزدا دېڭىز ئارمىيىسىگە ئىگە بولۇشنى چەكلەش بەلگىلىمىلىرىنى ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلغان، كېيىن 1871-يىلىدىكى لوندون يىغىنى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان.

پارىژ سۈلھ يىغىنى

  • پارىژ سۈلھ يىغىنى[يەشمىسى:]1) بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق سۈلھ يىغىنى (1919-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە قەدەر). بۇنىڭغا ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئىتالىيە قاتارلىق 27 دۆلەت قاتناشقان. جۇڭگو غالىب دۆلەت سۈپىتىدە مەزكۇر سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. سوۋېت روسىيىسى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنمىغان. يىغىننى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان، كەسكىن تالىشىش ئارقىلىق، «ۋېرسال شەرتنامىسى»، «خەلقئارا ئىتتىپاقداشلىق ئەھدىنامىسى»ئىمزالانغان، يەنە مەخپىي ھالدا سوۋېت روسىيىسىگە قوراللىق ئارىلىشىش، سوۋېت روسىيە زېمىنىنى بۆلۈشۈۋېلىش پىلانى تۈزۈلگەن. شۇ ۋاقىتلاردا جۇڭگو خەلقى سۈلھ يىغىنىنىڭ ئۇرۇشتىن بۇرۇن گېرمانىيىنىڭ شەندۇڭدىكى ئىمتىيازىنى يولسىزلىق بىلەن ياپونىيىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى سەۋەبلىك، «تۆتىنچى ماي» ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوزغاپ، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سۈلھ شەرتنامىسىگە ئىمزا قويۇشىنى رەت قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. (2) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، گېرمانىيىگە قارىتا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئىتالىيە، رومىنىيە، ۋېنگرىيە، بۇلغارىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق بەش دۆلەتنىڭ سۈلھ شەرتنامىسى لايىھىسىگە قاراپ چىقىش ئۈچۈن، پارىژدا چاقىرىلغان يىغىن (1946-يىل 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قەدەر). بۇنىڭغا جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق 28 دۆلەتتىن ۋەكىل قاتناشقان. يىغىن ئامېرىكا، ئەنگلىيىنىڭ تېررىتورىيە، تۆلەم تۆلەش، ترىيېست، دوناي دەرياسى قاتارلىق مەسىلىلەردە يولسىز تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى سەۋەبلىك، بەش دۆلەتنىڭ سۈلھ شەرتنامىسى لايىھىسىدىكى بارلىق ماددىلاردا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان. تاكى شۇ يىلى 11 — 12-ئايلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە تۆت دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى نيۇ-يوركتا يىغىن ئاچقاندىن كېيىنلا، سۈلھ شەرتنامىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى تاماملانغان. 1947-يىل 2-ئاينىڭ 10-كۈنى پارىژدا بەش دۆلەتنىڭ سۈلھ شەرتنامىسىگە ئايرىم-ئايرىم ئىمزا قويۇلغان.

پارىژ شەھەر ئاھالىسى قوزغىلىڭى

  • پارىژ شەھەر ئاھالىسى قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]1357 — 1358-يىللىرى پارىژ شەھەر ئاھالىسىنىڭ فېئوداللارغا قارشى قوزغىلىڭى. 1337-يىلى يۈز يىللىق ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، فرانسىيە قوشۇنلىرى بىرقانچە قېتىم مەغلۇپ بولغان. 1356-يىلى پوئىترىستىكى بىر قېتىملىق جەڭدە فرانسىيە كورۇلى يۇھان Ⅱ (ياخشى ئادەم) يەنە ئەنگلىيە قوشۇنلىرىغا ئەسىر چۈشكەن، شاھزادە چارلېس (كېيىنكى فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅴ)دۆلەتنى نازارەت قىلغان. چارلېس ئۇرۇش خىراجىتى ۋە ئاتىسىنى قۇتۇلدۇرۇشقا پۇل توپلاش ئۈچۈن، 1356-يىلى ئۈچ دەرىجىلىك يىغىن چاقىرغان. يۇڭ توقۇمىچىلىق سودىگەرلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ئېتىننې مارسېل باشچىلىقىدىكى تۆت يۈز نەپەر شەھەر ئاھالىسى ۋەكىللىرى يىغىن ۋەكىللىرىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن، ئۇلار ئۈچ دەرىجىلىك يىغىننىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى رەتكە سېلىشنى تەلەپ قىلغان. چارلېس قوشۇلمىغان ھەمدە يىغىننى تارقىتىۋەتكەن. پارىژ شەھەر خەلقى چارلېسنىڭ ھەرىكىتىدىن غەزەپلىنىپ، ئېتىننې مارسېلنىڭ رەھبەرلىكىدە 1357-يىلى 2-ئاي بىلەن 3-ئاي ئارىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. چارلېس شۇ يىلى 2-ئايدا ئۈچ دەرىجىلىك يىغىننى قايتا چاقىرىشقا مەجبۇر بولۇپ، 3-ئايدا، مارت ئومۇمىي كەچۈرۈمنامىسىنى ئېلان قىلىپ، شەھەر ئاھالىسى ۋەكىللىرىنىڭ تەلىپىگە قوشۇلغان بولسىمۇ لېكىن يولغا قويمىغان. 1358-يىلى 2-ئايدا، پارىژدا يېڭى قوزغىلاڭ پارتلاپ، 3000 قوزغىلاڭچى خان ئوردىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، چارلېسنىڭ ئىككى نەپەر مەسلىھەتچىسىنى ئۆلتۈرگەن، چارلېس پارىژدىن قېچىپ كەتكەن. ئېتىننې مارسېل پارىژنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن، ئۇنىڭ باج يىغىش سىياسىتى پەقەتلا يۇقىرى قاتلام شەھەر ئاھالىسىنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، شەھەرنىڭ ئادەتتىكى پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. كېيىن 300 كىشىلىك قوشۇن چىقىرىپ ياككۇئېس (Jacques) قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، فېئودال قوشۇنلارنىڭ پارىژغا بولغان مۇھاسىرىسىنى بىكار قىلماقچى بولغان. ئەمما قوزغىلاڭ قىلغان دېھقانلار جىددىي ياردەمگە موھتاج بولغان ۋاقىتتا، ئۆزىگە قاراشلىق قوشۇننى چېكىندۈرۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە چارلېس قورال توپلاپ، پارىژنى قامال قىلغان. كېيىن يۇقىرى تەبىقىدىكى شەھەر ئاھالىسى چارلېسقا شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىپ بېرىپ، قوزغىلاڭ ئاخىرى باستۇرۇلغان، ئېتىننې مارسېل ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئەگەشكۈچىسى تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان.

پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالى

  • پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالى[يەشمىسى:] فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي. ئورنى پارىژ شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى گرېيوف مەيدانىدا. 1533-يىلى ئىتالىيىلىك ئارخىتېكتور بوككادور (؟ — 1549، Domenico da Cortona dit le Bocca Dor) نىڭ لايىھىسىگە ئاساسەن سېلىنغان بولۇپ، 1628-يىلى پۈتكەن. ناپولېئون ۋە لۇئى فىلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە كېڭەيتىپ قۇرۇلغان. 1871-يىلى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. ھازىرقى ئىمارەت 1872 — 1882-يىللىرى قايتا قۇرۇلغان. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدە پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت — پارىژ كوممۇنىسى تۇرۇشلۇق جاي ئىدى؛ 1848-يىلى فېۋرال ئىنقىلابى ۋە 1870-يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتلەر مۇشۇ يەردە دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان؛ 1871-يىل 3-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى پرولېتارىيات دىكتاتۇرىلىقىدىكى ھاكىمىيەت پارىژ كوممۇنىسىمۇ مۇشۇ يەردە قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. 

پارىژ كوممۇنىسى

  • پارىژ كوممۇنىسى[يەشمىسى:]1) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدە پارىژدىكى شەھەر ئاپتونومىيە ئورگىنى. 1789-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان، يەنە 1789-يىلدىكى كوممۇنا دەپمۇ ئاتالغان. رەھبەرلىك ھوقۇقى دەسلەپتە پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلار بىلەن گروندېچىلارنىڭ قولىدا بولۇپ، ئىنقىلابقا بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ بولمىغان. 1792-يىل 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، خەلقنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئاستىدا ئۆزگەرتىپ تەسىس قىلىنىپ، چائۇمېتتې باشچىلىقىدا يېڭى كوممۇنا (يەنى «1792-يىلىدىكى كوممۇنا» دەپ ئاتالغان) قۇرۇلغان. 10-كۈنى، كوممۇنا پارىژ خەلقىنىڭ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، كورۇلنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. گىروندېچىلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ياكوبىنچىلار رەھبەرلىكىدىكى قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى بىلەن بىرگە مەۋجۇت بولىدىغان ھاكىمىيەت ئورگىنى بولۇپ قالغان. كېيىن يەنە خەلق ئۇيۇشمىسىنى ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرىدىغان ۋە چەت ئەللەرنىڭ قوراللىق ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغان كۆپلىگەن كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلغان، ياكوبىن دىكتاتۇرا يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە، ئىنقىلابىي ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسلىق تايانچلىرىدىن بولۇپ، ياكوبىنچىلارنىڭ تۈرلۈك ئىنقىلابىي تەدبىرلەرنى يۈرگۈزۈشىگە تۈرتكە بولغان. 1794-يىلى تومۇز ئېيى ئۆزگىرىشىدىن كېيىن تارقىتىۋېتىلگەن. (2)1871-يىلى فرانسىيە پرولېتارلىرى پارىژدا قۇرغان ئىشچىلار ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى بولۇپ، دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى پرولېتارىيات دىكتاتۇرىلىقىدىكى ھاكىمىيەت. پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، فرانسىيىدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن. 1871-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى پارىژ خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، پارىژ شەھەرلىك ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان، تېير باشچىلىقىدىكى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ۋېرسالغا قېچىپ كەتكەن. 26-كۈنى پارىژدا سايلام ئۆتكۈزۈلۇپ، 28-كۈنى پارىژ كوممۇنىسى رەسمىي قۇرۇلغان. كوممۇنا ھەيئەتلىرى ئىچىدە بىلانكىچىلار ۋە يېڭى ياكوبىنچىلار (كۆپ سانلىق) ھەمدە پرودونىچىلار (ئاز سانلىق)رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا ئېلىۋالغان. كوممۇنا بۇرژۇئازىيىچە ھەربىي بيۇروكراتلىق ئاپپاراتىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئەسكەرلىككە ئېلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، كونا ساقچى ئورگانلىرىنى، سوت، كونا بيۇروكراتلىق تۈزۈم ۋە يۇقىرى مائاشلىق تۈزۈملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىشچىلارنى قوغداش پەرمانى چۈشۈرگەن؛ قېچىپ كەتكەن مۈلۈكدارلارنىڭ فانا فاكتورلىرىنى ئىشچىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن، ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىشىنى يولغا قويۇپ، ئىشچىلارغا ئۆز مەيلىچە جەرىمانە قويۇش ۋە مائاشىنى تۇتۇپ قېلىشنى چەكلىگەن؛ يەنە بولكا، ئاشلىقنىڭ باھاسىنى بەلگىلىگەن؛ سۆرۈلۈپ كېلىۋاتقان ئۆي ئىجارىسىنى كەچۈرۈم قىلغان، گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىلەرنى قايتۇرغان، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۈش ۋە نەپەقە پۇلى تارقاتقان؛ پرولېتارىياتلىق ئىنتېرناتسىئونال پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋاندوم تۈۋرۈكىنى بۇزۇپ تاشلىغان، چەت ئەللىكلەرنىڭ كوممۇناغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىپ، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى بىلەن باراۋەرلىك ئاساسىدىكى تىنچ، دوستانە مۇناسىۋەت ئورناتقان. بىراق توغرا ۋە قەيسەر رەھبەرلىكنىڭ كەملىكىدىن بىرقاتار خاتالىقلار سادىر بولغان: ئىشچى-دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئورناتمىغان ۋە دېھقانلار ئىنقىلابىنى قوزغىمىغان. ۋېرسالغا ئۆز ۋاقتىدا ھۇجۇم قىلمىغان ۋە ئەكسىلئىنقىلابىي ھەرىكەتنى قەتئىي باستۇرمىغان، فرانسىيە بانكىسىنى مۇسادىرە قىلمىغان ۋە باشقىلار، ۋېرسال ھۆكۈمىتى پرۇسسىيە قوشۇنى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىشى بىلەن، 5-ئاينىڭ 28-كۈنى باستۇرۇلغان. ماركس بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئارقىلىق كوممۇناغا كونكرېت يېتەكچىلىك قىلغان ھەمدە كوممۇنانىڭ تەجرىبىلىرىنى مېغىزلىق يەكۈنلەپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ تەييار دۆلەت ماشىنىسىنى ئاددىي ھالدا ئىگىلەشكە ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ مۇددىئاسىغا يېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى، پرولېتارىيات ئىنقىلابى زورلۇق كۈچى ئارقىلىق، كونا دۆلەت ماشىنىسىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى يۈرگۈزۈشنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئىنقىلابىي پرىنسىپلىرى مەڭگۈ ياشايدۇ.

پارىژ كېلىشىمى

  • پارىژ كېلىشىمى[يەشمىسى:]① 1954-يىل 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى پارىژدا ئىمزالىغان بىر قاتار ھۈججەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. بۇ ھۈججەتلەر ئىتتىپاق گېرمانىيىنى ئىگىلەپ تۇرۇش تۈزۈمىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، غەربىي ياۋروپا ئىتتىپاقى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شۇنداقلا فرانسىيە بىلەن ئىتتىپاق گېرمانىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى قوش تەرەپ كېلىشىمى قاتارلىق بىر قاتار ھۈججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسىي مەزمۇنى: «بونىن شەرتنامىسى»دا قارار قىلىنغان ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىتتىپاق گېرمانىيىسى چېگرىسى ئىچىدىكى ۋە بېرلىننىڭ غەربىدىكى رايوندا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىگە ۋە باشقا تەرەپلەردىكى ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار قايتا تەكىتلەنگەن، «بىريۇسسېل شەرتنامىسى»دىكى گېرمانىيىنىڭ (ئىتتىپاق گېرمانىيىسىنىڭ) تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت ئىبارىلەر چىقىرىپ تاشلانغان ھەمدە بۇ شەرتنامە تەشكىلاتى «غەربىي ياۋروپا ئىتتىپاقى»غا ئۆزگەرتىلىپ، ئىتتىپاق گېرمانىيىسى بىلەن ئىتالىيە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان؛ ئىتتىپاق گېرمانىيىسىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا قاتناشتۇرۇش؛ فرانسىيە بىلەن ئىتتىپاق گېرمانىيىسى گراژدانلارنىڭ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سائارنى غەربىي ياۋروپا ئىتتىپاقى مىنىستىرلار كېڭەش مەجلىسى تەرىپىدىن خىزمەتكە تەيىنلەنگەن مەخسۇس خادىمىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قوشۇلۇشتىن ئىبارەت. كېلىشىمدىكى ھۈججەتلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1955-يىل 5-ئاينىڭ 5-، 6-كۈنلىرىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان. ② «ۋيېتنام مەسىلىسىدىكى پارىژ كېلىشىمى»گە قاراڭ.

پارىژ ئىتتىپاقى

  • پارىژ ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]فرانسىيە خۇگۇئېنوت ئۇرۇشى مەزگىلىدە پارىژدىكى بۇرژۇئازىيە بىلەن باشقا تەبىقىدىكىلەر تۈزگەن ئىتتىپاق. 1585-يىلى قۇرۇلغان. ھېنرى دې لوررانى گۇئىسې(Henri de Lorraine Guise) باشچىلىقىدىكى كاتولىك دىنىي ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1588-يىلى 5-ئايدا، پارىژدا قوزغىلاڭ بولغاندا، كورۇل ھېنرى Ⅲ قېچىپ كەتكەن. ئىتتىپاق ئىچىدىكى دېموكراتچىلار «16 كىشىلىك كومىتېت»قۇرۇپ، پارىژ شەھىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تىزگىنلىگەن. كېيىن پارىژ بۇرژۇئازىيىسى ئاممىۋى ھەرىكەتنىڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈشىدىن قورقۇپ، 1591-يىلى «16 كىشىلىك كومىتېت» نى تارقىتىۋەتكەن، كەينىدىنلا يەنە 1593-يىلى، ھېنرى Ⅳ بىلەن سۈلھ تۈزگەن، ئىككىنچى يىلى ھېنرى Ⅳ پارىژغا كىرگەن، ئىتتىپاق پارچىلىنىپ كەتكەن.

پارىس

  • پارىس[يەشمىسى:]Paris)قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ترويا شاھزادىسى. يەنە بىر ئىسمى ئالېكساندر(Alexandros). ترويا شەھىرى (كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالى) نىڭ پادىشاھى پرىئام بىلەن خانىكە ھېكابا(Hecaba) نىڭ ئىككىنچى ئوغلى، قەھرىمان ھېكتور(Hector) نىڭ ئىنىسى. ھېكابا ھامىلىدار بولغاندا بىر چۈش كۆرگەن، چۈشىدە دەھشەتلىك ئوت ترويا شەھىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن، بۇ چۈشنىڭ يامانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، ئوغلى تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇنى قاقاس تاغقا تاشلىۋەتكەن؛ بىر پادىچى بۇ بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىپ، ئۇنىڭغا پارىس دەپ ئىسىم قويغان. ئۇ كېلىشكەن ھەم باتۇر بولۇپ ئۆسكەن، كېيىن ئاتىسى ئوغلىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئوردىغا ئېلىپ كەلگەن، ئۇ دەريا خۇداسىنىڭ قى-زى ئونونىي (Oenone)نى خوتۇنلۇققا ئالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بىر قېتىم ھېرا، ئافىنا ۋە ئافرودىتتىن ئىبارەت ئۈچ مەبۇدە ئەڭ گۈزەل مەبۇدىگە تېگىشلىك بولغان «ئالتۇن ئالما»نى تالىشىپ قېلىپ، پارىسنى ئىزدەپ تېپىپتۇ ھەمدە ئۇنى ھۆكۈم قىلىپ قويۇشقا تەكلىپ قىپتۇ، پارىس «ئالتۇن ئالما»نى ئافرودىتقا ھۆكۈم قىلىپ بېرىپتۇ. ئافرودىت ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پارىسنىڭ سپارتا ئوردىسىدىن پادىشاھ مېنىلائۇسنىڭ رەپىقىسى — گۈزەل ھېلېننى ئالداپ ئېلىپ قېچىشىغا ياردەملىشىپتۇ، نەتىجىدە يۇنانلىقلارنىڭ لەشكەر تارتىپ جەڭگە چىقىشىغا ۋە ئون يىلغا سوزۇلغان ترويا ئۇرۇشىغا سەۋەب بوپتۇ. ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە پارىس يۇناننىڭ مەشھۇر سەركەردىسى ئاكىللېسنى ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. ترويا قولدىن كەتكەن چاغدا، پارىس يۇنانلىق فلوكتېتىس تەرىپىدىن يارىدار قىلىنىپ، ئۆلۈپ كېتىپتۇ.

پارىكشىت

  • پارىكشىت[يەشمىسى:]Parikshit، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىر) ھىندىستاننىڭ كۇرو دۆلىتىدىكى بىھارابالارنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد پادىشاھى. بىھاراتا ئۇرۇشى («ماخابىھاراتا»داستانىغا قاراڭ)دىن كېيىن، ئاجىنا (پاندۇ جەمەتىدىكى بەش ئوغۇلنىڭ بىرى) نىڭ نەۋرىسى پارىكشىت كۈرۈ دۆلىتىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە دۆلەت روناق تېپىپ، ھاسىتىنا پورا (پىل شەھىرى) نى پايتەخت قىلغان. كېيىن گاندخارادىكى ئاگاسلار بېسىپ كىرگەن، ئۇ جەڭگە چىقىپ قۇربان بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى جاننامېجايا تەختكە ۋارىسلىق قىلغان.

پازىرك قەدىمكى قەبرىستانلىقى

  • پازىرك قەدىمكى قەبرىستانلىقى[يەشمىسى:]ئالتاي تاغ رايونى تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە ئائىت قەبرىستانلىق. بۈگۈنكى قازاقىستاندىكى چوڭ ئۇلاگان دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى پازىرك (ПазьIръIк)تا. 1929-يىلى ۋە 1947 — 1949-يىللىرى قېزىلغان. جەمئىي بەش چوڭ قەبرە ۋە توققۇز كىچىك قەبرە بار. چوڭ قەبرىلەرنىڭ چوڭقۇرلۇقى 4 مېتر، كۆلىمى 50 كۋادرات مېتر، چاسا شەكلىدە، ئىچىدە بىر جۈپ قوش قات تاۋۇت بولۇپ، ئۈستى ياغاچ بىلەن يېپىلغان، ئاستى تەرىپىگە تاختاي ياتقۇزۇلغان. لەھەتكە تاۋۇت ۋە ئاخىرەتلىكلەر قويۇلغان. تاۋۇتنىڭ يېنىغا ئات ۋە ھارۋىلار بىللە قويۇلغان. تورۇس ئۈستىگە ئاق قىيىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقى، چاتقال، ياغاچ قويۇلۇپ يېپىلغاندىن كېيىن ئۈستىگە توپا تاشلانغان. يېرى تاغلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا كىلىماتى سوغۇق ۋە قەبرە قۇرۇلمىسى ئالاھىدە بولغاچقا ياسالغاندىن كېيىن توڭلاپ قالغان ھالەتتە تۇرغان. تاۋۇتتىكى جەسەت مۇميالاپ بىر تەرەپ قىلىنغان. ساپال بۇيۇملار، مېتالدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملار ھەمدە ياغاچتىن ئىشلەنگەن بۇيۇملار، توقۇلما بۇيۇملار، تېرىدىن ئىشلەنگەن كىيىم-كېچەكلەر ۋە تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمانلار، توشۇش سايمانلىرى، زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ياخشى ساقلانغان. بۇيۇملارنىڭ ئۈستىدىكى نەقىشلەردىن ھايۋان تەسۋىرلىرى كۆپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر خىل ئۆسۈملۈك تەسۋىرلىرىمۇ بار. قەبرىلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى قەبرە ئىگىسىنىڭ سالاھىيىتىگە قاراپ ئوخشاش بولمىغان. تەتقىقاتلارغا ئاساسەن، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرلەردىن تارتىپ Ⅳ ئەسىرلەرگە تەئەللۇق (بەزىلەر Ⅲ ئەسىرلەرگە تەئەللۇق دەيدۇ) سېكتاي-ساكلارنىڭ قەبرىستانلىقى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

پاسخا بايرىمى

  • پاسخا بايرىمى[يەشمىسى:]خرىستىئان دىنىدا «ئەيسانىڭ تىرىلگەن» لىكىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن بايرام. «ئىنجىل»دا خرىستوس ئەيسا كرېستقا مىخلىنىپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلگەن دېيىلگەن. خرىستىئان مۇرىتلىرى بۇ كۈننى يەكشەنبە دەپ قارىغان. مىلادى 325-يىلدىكى نىسىيە يىغىنى (خرىستىئان دىنىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئېپىسكوپلار يىغىنى) دا ھەر يىلى ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىشىش (ئادەتتە 3-ئاينىڭ 21-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ) مەزگىلى ئۆتۈپ ئاي تولغاندىن كېيىنكى بىرىنچى يەكشەنبىنى پاسخا بايرىمى كۈنى قىلىپ بەلگىلىگەن، كېيىن شۇ بويىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى غەربىي ياۋروپا گرېگورى كالېندارى ئىشلەتكەنلىكى (يەنى بۈگۈنكى قوللىنىلىۋاتقان «مىلادىيە» كالېندارى)، پراۋوسلاۋىيە دىنىنىڭ كالېندارى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن پاسخا بايرىمىنىڭ كونكرېت ۋاقتى كاتولىك دىنى ۋە پروتېستانت دىنىنىڭكىدىن بىر-ئىككى ھەپتە پەرق قىلغان. مەسىلەن، مىلادىيە ھېسابى بويىچە 1979-يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى (كونا كالېنداردا 2-ئاينىڭ 23-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ) ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىشىدۇ. 4-ئاينىڭ 11-كۈنى (كونا كالېنداردا 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەنى چارشەنبە) ئاي تولىدۇ. شۇڭا 4-ئاينىڭ 15-كۈنى (يەكشەنبە)پاسخا بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەن. «ئازاب چېكىش بايرىمى»غا قاراڭ.

پاسخا بايرىمى ئارىلى

  • پاسخا بايرىمى ئارىلى[يەشمىسى:]يەنە بىر نامى راپانۇي (Rapa Nui)ئارىلى، يەنى «تاش ھەيكەل يۇرتى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا، پولۇنېسىيىنىڭ شەرقىي تۇمشۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 117 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. 1722-يىلى گوللاندىيىلىكلەر تۇنجى قېتىم بۇ ئارالنى تاپقان، ئۇلارنىڭ ئارالغا چىققان كۈنى دەل ئەيسانىڭ تىرىلگەن كۈنى بولغاچقا پاسخا بايرىمى ئارىلى دەپ ئاتالغان. ئارالدا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن غايەت چوڭ تاش تاملارنىڭ خارابىسى بار، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاخۇ (Ahu) دىنى خارابىسىدىكى 600 دىن ئوشۇق تاش ھەيكەل ناھايىتى مەشھۇر. ئەڭ ئېگىز ھەيكەل 20 مېتر كېلىدۇ، يۈزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7 مېتر، بوينىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2 مېتر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 98 توننا كېلىدۇ. ھەيكەللەرنىڭ چىرايى بەكمۇ جانلىق، بەزىلىرىنىڭ بېشىدا ئېلىۋېتىشكە بولىدىغان قىزىل تاش قالپاق بار. رانو-راراكۇ (Rano Raraku) ئۆچكەن يانار تېغىنىڭ ئېتەكلىرىدىكى تاش ھەيكەللەرنىڭ يۈزى شىمال تەرەپكە قارىتىلغان، ئۇلارنىڭ گەۋدىسىگە كۆپلىگەن ئادەم، ھايۋان ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. ئارالدا يەنە بىر خىل ياغاچ پارچىلىرى تېپىلغان، ئۈستىگە ئادەم، ھايۋان ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ياغاچ پارچىلىرىدىن تۈزۈلگەن تەسۋىرى يېزىقلارمۇ بار. ئارالدىكىلەر بۇنى «ساماۋى كىتاب» دەپ ئاتىغان. ئارخېئولوگلار بۇ ئارالنىڭ سىرىنى ئېچىش يولىدا داۋاملىق ئىزدەنمەكتە.

پاسساۋ شەرتنامىسى

  • پاسساۋ شەرتنامىسى[يەشمىسى:]مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى كارل Ⅴ نىڭ ۋەكىلى فېردىناند (يەنى كېيىنكى چاغلاردىكى فېردىناندا) ساكسونىيە كىنەزى مورتىس (Moritz، 1521 — 1553) بىلەن ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامە. 1552-يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى پاسساۋ (Passau، سابىق فېدېراتىپ گېرمانىيىسىدىكى باۋارىيە شتاتىدا)دە ئىمزالانغان. شەرتنامە بويىچە 1548-يىلى كاتولىك دىنىنىڭ دىن ئىسلاھاتىدىن ئاۋۋال بەھرىمەن بولغان ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى «ئاۋگىسبۇرگ كېلىشىمى» بىكار قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ليوتېر دىنىغا ئىختىيارىي ئېتىقاد قىلىشقا ئېنىق رازىلىق بىلدۈرۈلگەن. بۇ شەرتنامە 1555-يىلى «ئاۋگىسبۇرگ دىنىي سۈلھ شەرتنامىسى» نى تۈزۈش ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.

پاسكېۋىچ

  • پاسكېۋىچ[يەشمىسى:]Иван Федорович Паскевич، 1782 — 1856) روسىيە مارشالى. ئوفىتسېرلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، روسىيە- تۈركىيە ئۇرۇشى (1806 — 1812) غا ۋە ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇش (1812 — 1814) قا قاتناشقان. 1817 — 1819-يىللىرى ئوردا گۋاردىستلار دىۋىزىيىسىگە قوماندانلىق قىلغان، نىكولاي Ⅱ نىڭ قەدىرلىشىگە ئىگە بولۇپ، تېز ئۆسكەن. 1826 — 1828-يىللىرى روسىيە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ ئىرانغا قارشى ئۇرۇش قىلغان. 1828 — 1829-يىللىرى كاپكازدا تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. دېكابرچىلارنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىشقا قاتناشقان؛ دېھقانلار ھەرىكىتىنى باستۇرغان؛ پولشا (1830 — 1831)، ۋېنگرىيە (1848 — 1849) مىللىي قوزغىلىڭىنى ئۇجۇقتۇرغان. پولشادا تۇرۇشلۇق باش ۋالىي بولغان. قىرىم ئۇرۇشى مەزگىلى (1853 — 1856) دە غەربىي سەپتە ۋە دۇناي دەرياسى ۋادىسىدا جەڭ قىلىپ، ھەممە جەڭدە مەغلۇپ بولغان.

پاسېنادې

  • پاسېنادې[يەشمىسى:]Pasenadi ياكى Prasenajit، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىر) يېڭىلمەس ئارمىيە پادىشاھى ياكى زەپەر نۇرى پادىشاھى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى ھىندىستاندىكى كوسالا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى. ياش چاغلىرىدا ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى مەشھۇر شەھەر تاكساسلانى زىيارەت قىلغان. دادىسى ماخانىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ كوسالاغا پادىشاھ بولغان، سراۋاستى شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. ساكيامۇنىنىڭ زاماندىشى، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، شۇنىڭدەك باشقا دىنلارغىمۇ كەڭچىلىك سىياسىتى قوللانغان. بۇددا نوملىرىدا ئۇنىڭ بىلەن ساكيامۇنىنىڭ قىلىشقان گەپلىرى خاتىرىلەنگەن. ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى كوسالا باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ھېسابلانغان. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم بۇددا دىنىنىڭ تەلىماتىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئىبادەتخانىغا كەتكەندە ئۇنىڭ ۋەزىرىنىڭ يوشۇرۇن پىلانلىشى بىلەن شاھزادە ۋىليولمىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، پاسېنادېنى بىكار قىلغان. قايتىپ كېلىۋېتىپ يولدا بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ماگادخا پادىشاھلىقىغا كەتكەن. سىراۋاستى شەھىرىنىڭ سىرتىغا كەلگەندە ئاغرىپ ئۆلگەن. ئۇنىڭ كۈيئوغلى ماگادخا پادىشاھى ئاجاتاساترۇ كاتتا دەپنە قىلغان.

پاشا

  • پاشا[يەشمىسى:]Pasha) تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى دۆلەتلەر ئىشلەتكەن نام. «پاشا» پارىس تىلىدىكى پادىشاھ (Padshah) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپتە ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئالىي قوماندانىنىڭ نامى ئىدى، كېيىن ئىمپېرىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي-مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنىڭ نامى قىلىپ ئىشلىتىلگەن. تۈركىيىدە (1934)، مىسىردا (1959)، ئىراقتا (1958)يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىكار قىلىنغان. ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر داۋاملىق قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ۋارىسلىق قىلىنمايدۇ ھەم مەخسۇس مەنسەپمۇ ھېسابلانمايدۇ.

پاسىچ

  • پاسىچ[يەشمىسى:]Nikola Pasic، 1845—1926) سېربىيە باش ۋەزىرى (1891— 1892، 1904 — 1908، 1910 — 1918، 1921 — 1924، 1924 — 1926). ياشلىق دەۋرىدە ماركوۋىچ (Маркович)نىڭ مۇرىتى بولغان. سىيورىخ ئۇنىۋېرسال تېخنىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1881-يىلى سېربىيە رادىكاللار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، يولباشچى بولغان. سىياسىي ۋە دۆلەت تۈزۈمىنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش جەھەتتە بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. تاشقى جەھەتتە روسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان. 1878-يىلى سېربىيە پادىشاھلىق پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1883-يىلدىن كېيىن چەت ئەلگە كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان. 1889-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پارلامېنت باشلىقى ۋە بېلگراد شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولغان. 1893 — 1894-يىللىرى روسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. ئىنقىلابىي ھەرىكەت ئەۋج ئالغاندىن كېيىن، دەسلەپتە ئوتتۇرىغا قويغان سىياسىي پروگراممىسىدىن ۋاز كەچكەن. 1912-يىلى بالقان ئىتتىپاقى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1919 — 1920-يىللىرى سېربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى بولۇپ پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. باش ۋەزىر ۋە قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ تۇرغاندا، بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا دۈشمەنلىك قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. 1924-يىلى يۇگوسلاۋىيە كومپارتىيىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. 1926-يىلى ئىستېپا بەرگەن.

پاكلارⅨ

  • پاكلارⅨ[يەشمىسى:] ئەسىردىن ⅩⅢ ئەسىرگىچە ئىتالىيە ۋە فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي(شۇ جايدا ئالبىچىلار دەپ ئاتالغان) قىسمىدا كەڭ تارقالغان غەيرىي خرىستىئان مەزھىپى. ئۇلار ئەھلىسەلىپ شەرققە تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلدە بالقان يېرىم ئارىلىدىن غەربىي ياۋروپاغا تارقالغان پائۇلچىلار بىلەن بوگۇمېلچىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، شەكىلسىز روھىي دۇنيانى خۇدا ياراتقان، رېئال ماددىي دۇنيا — ئىبلىس (شەيتان)قىلمىشلىرىنىڭ نەتىجىسى دېگەنلەرنى تەشەببۇس قىلغان. شۇڭا، ئۇلار كاتولىك چېركاۋىغا ۋە مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن فېئوداللىق تۈزۈمگە قارشى تۇرغان، چېركاۋنىڭ گۇناھتىن ساقىت قىلىش تۇمارى سېتىشىغا ۋە ئۆشرە ئېلىشىغا قارشى تۇرغان، مۇقەددەس ھەيكەللەرگە چوقۇنۇشقا قارشى تۇرغان. ئۇلارنىڭ مۇرىتلىرى ئاساسەن قول ھۈنەرۋەنلەر ۋە دېھقانلاردىن ئىبارەت. ئۇلار تەركىدۇنيالىق، توي قىلماسلىق، گۆش يېمەسلىكنى يولغا قويغان. شۇڭا پاپا ۋە كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يوقالغان.

پاكىستان قارارى

  • پاكىستان قارارى[يەشمىسى:] ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇستەقىل مۇسۇلمان دۆلىتى يەنى پاكىستان (مەنىسى پاكىز دۆلەت) قۇرۇش توغرىسىدىكى تۇنجى قارارى. 1940-يىلى 3-ئايدا لاھۇر يىغىنىدا ماقۇللانغاچقا «لاھۇر قارارى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇسۇلمانلار كۆپ ساننى ئىگىلىگەن رايون، مەسىلەن، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالى ۋە شەرقىدىكى رايونلاردا بىرلىشىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش كېرەك؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى تەركىب تاپقان ھەرقايسى ئورۇنلار ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشى ۋە مۇستەقىل ئۆزىگە-ئۆزى خوجا بولۇشى كېرەك دەپ تەلەپ قىلىنغان. گەرچە «پاكىستان» دېگەن سۆزنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستان گېزىتلىرى دائىم بۇ قارارنى «پاكىستان قارارى» دەپ ئاتىغان. كېيىن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ داھىيسى بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستان قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي نىشانى قىلغان.

پاگان

  • پاگان[يەشمىسى:]Pagan) بىرمىنىڭ قەدىمكى پايتەختى. بىرمىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىرراۋاددىي دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى مىڭجيەننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. مىلادى 849-يىلدا بىنا قىلىنىپ، Ⅺ ئەسىردە قەدىمكى بىرمىنىڭ تۇنجى بىرلىككە كەلگەن فېئوداللىق سۇلالىسى پاگان سۇلالىسىنىڭ پايتەختى ۋە بىرمىنىڭ بۇددا دىنى مەركىزىگە ئايلانغان. ھەرقايسى پادىشاھلار بۇددا دىنى قۇرۇلۇشلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بارغان. ئەڭ ئەۋجىگە چىققان چاغدا ياسالغان بۇددا مۇنارى 13000 دىن ئاشقان. بۇ شەھەر مىليون مۇنارلىق شەھەر دەپ ئاتالغان، شۇڭا ئۇنىڭ «مۇنار شەھىرى» دېگەن نامى بار. بىرما ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 1973-يىلىدىكى تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، يەنىلا 2217 مۇنار بار ئىكەن. مۇنارلارنىڭ شەكلى خىلمۇ خىل، كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك، قۇرۇلۇش سەنئىتى ئۈستۈن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە رۇيشى ئوردىسىنىڭ مۇنارى ۋە ئانەندا مۇنارى ئەڭ داڭلىق. ئايلانمىسى 25 كىلومېتر كېلىدىغان دائىرە ئىچىدىكى خارابىلەرنىڭ تولىسىدا نۇرغۇنلىغان قەدىمكى مەدەنىي يادىكارلىقلار ساقلانغان. بۇددا مۇنارلىرىنىڭ تولىسى 1975-يىلىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان.

پاگان سۇلالىسى

  • پاگان سۇلالىسى[يەشمىسى:]بىرمىدىكى تۇنجى بىرلىككە كەلگەن فېئودال سۇلالە (1044 — 1287). مىلادى 849-يىلى بىرما مىللىتى ئىرراۋاددىي دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، پاگان شەھىرىنى بىنا قىلىپ، دۆلەت قۇرغان. 1044-يىلى ئاناۋراتا تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، يۇقىرى- تۆۋەن بىرمىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى تۇنجى قېتىم بىرلىككە كەلتۈرۈپ ھەمدە ئاراكاننىڭ شىمالىي قىسمىنى كونترول قىلىپ، پاگان سۇلالىسىنى قۇرغان. ئۇ Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ⅩⅢ ئەسىرنىڭ بېشىغىچە تازا گۈللىنىپ قۇدرەت تاپقان: مەمۇرىي باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، قانۇن تۈزۈلگەن؛ قانال چېپىلىپ، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان؛ مەدەنىيەت-سەنئىتى گۈللىنىپ، بىرما يېزىقى ئىجاد قىلىنغان. بۇددا دىنىنىڭ ھىنايانا مەزھىپى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىنىپ، بۇددا مۇنارلىرى، ئىبادەتخانىلار كۆپلەپ ياسىلىپ، «ئىبادەتخانا ياسايدىغان سۇلالە» دەپ نام ئالغان. سەيلون (ھازىرقى سىرىلانكا) ۋە ھىندىستان بىلەن دىنىي، مەدەنىيەت ئالاقىسى قويۇق بولۇپ، جۇڭگوغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ، دوستانە ئۆتكەن. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا ئاجىزلىشىپ، 1287-يىلى يۈەن سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان. 

پاگانو

  • پاگانو[يەشمىسى:]Francesco Mario Psgano، 1748 — 1799) ئىتالىيىلىك قانۇنشۇناس، پەيلاسوپ ۋە مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىدىكى رادىكاللارنىڭ ۋەكىلى. نېئاپول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. «جەمئىيەتنىڭ بارلىققا كېلىش، تەرەققىيات ۋە زاۋالغا يۈز تۇتۇشىنىڭ سىياسىي پروگراممىسى توغرىسىدا» ناملىق ئەسىرىدە تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىگە دائىر ئىدىيىنى بايان قىلغان؛ قانۇنشۇناسلىق ئەسىرىدە قانۇن خەلق ئەركىنلىكىنىڭ كاپالىتى دېگەن ئىدىيىنى بايان قىلغان. فرانسىيە زور ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، نېئاپولدىكى ياكوبىنچىلارنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1794-يىلى سوراققا تارتىلغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ ئاقلىغۇچىسى بولغان. 1796-يىلى قولغا ئېلىنىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن، رىم ۋە مىلانغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 1799-يىلى 1-ئايدا پارتېنوپا (Parthenopa) جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، نېئاپولغا قايتىپ كېلىپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ مەشھۇر پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى، قانۇن كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان ھەمدە جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تەييارلاشقا قاتناشقان. جۇمھۇرىيەت مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. 

پاڭكور شەرتنامىسى

  • پاڭكور شەرتنامىسى[يەشمىسى:]ئەنگلىيە بىلەن مالايا يەرلىك شتاتلىرى ئىمزالىغان تۇنجى «ھامىيلىق» شەرتنامىسى. 1874-يىلى يانۋاردا ئەنگلىيە دېڭىز بوغۇزى مۇستەملىكىلىرىنىڭ باش ۋالىيسى ئاندرې كلاك Andrew Glarke، 1824 — 1902) مالايا پېراك (Perak) شتاتى سۇلتانىنىڭ ۋارىسلىق مەسىلىسىنى كېلىشتۈرۈش نامى بىلەن، پېراك دېڭىز بويىغا يېقىن بولغان پاڭكور (Pangkor) ئارىلىدا يەرلىك شتاتلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرىپ كېلىپ سۆھبەتلىشىپ ئىمزالىغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئاساسىي مەزمۇنى:تۆۋەن پېراكلىق ئابدۇللا (Raja Abdullan) سۇلتان بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ پېراكتا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارىنى قوبۇل قىلىش، دۆلەتنىڭ بارلىق كىرىمىنى يىغىش، باشقۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ ئادەتتىكى مەمۇرىي ئىشلىرىدا ئەنگلىيىنىڭ پېراكتا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارىنىڭ پىكرىگە رىئايە قىلىش دېگەندىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن پېراك شتاتى بارا-بارا ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغان. كېيىن ئەنگلىيە يەنە مالايانىڭ باشقا يەرلىك شتاتلىرىنى مۇشۇنداق شەرتنامىلەرنى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، بارا-بارا مالايانى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغان.

پال

  • پال[يەشمىسى:]Bepin Chandra Pal، 1858 — 1932) ھىندىستاننىڭ 1905-يىلدىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ رەھبىرى. سىلخېت (Sylhet، ھازىرقى بېنگال دۆلىتىدە) شەھىرىدىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى ۋە مۇخبىر بولغان. 1876-يىلى «براخمى دىنىي جەمئىيىتى» گە قاتناشقان. ئىنگلىز تىلىدىكى ھەپتىلىك ژۇرنال «يېڭى ھىندىستان» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللارنى تەسىس قىلغان. خەلق كونگېرىسى پارتىيىسىدىكى رادىكاللارنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى بولۇپ، مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى بايقوت قىلىشنى، ۋەتەن مېلى ۋە مىللىي مائارىپنى تەشەببۇس قىلغان. مۇختارىياتنى، ئۆزى ئىشلەپچىقىرىشنى تەشۋىق قىلغان. 1905-يىلىدىكى بېنگالنى بۆلۈۋېلىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇ 1907-يىلى قولغا ئېلىنىپ، يېرىم يىلدىن كېيىن تۈرمىدىن چىقىپ ئەنگلىيىگە بارغان. ئەنگلىيىدە «ھىندىستان ئۆزىگە ئۆزى خوجا» ۋە «ھىندىستان ئوقۇغۇچىلىرى» قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيىگە قارشى كۈرەش ئىرادىسى بوشىشىپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك زورلۇق كۈچ ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرغان، گەندىنىڭ ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى ۋە خەلىپە ھەرىكىتىگە قارشى چىققان، شۇنىڭ بىلەن ئابرويى چۈشۈپ كەتكەن. «يېڭى روھ: خەلق ھاياتىنىڭ مۇقەددەس سوۋغىسى»، «ھىندىستاننىڭ مىللەتپەرۋەرلىك روھى»، «ھىندىستاننىڭ ئارزۇسى» ۋە «ئۆزى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش»، «ئەسلىمە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

پالاتىناتې

  • پالاتىناتې[يەشمىسى:]Palatinate) «پىفالىز»غا قاراڭ.

پالاسكىي

  • پالاسكىي[يەشمىسى:]Frantisek Palacky، 1798— 1876) چېخ تارىخشۇناسى، بۇرژۇئا ھۈرىيەتچىلىرىنىڭ داھىيسى. پروتېستانت ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. خۇسۇسىي ئوقۇتقۇچى بولغان. 1848-يىلى ئاۋسترىيە ئىمپېرىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى سىلاۋيانلار قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولغان. لېكىن ئاۋسترىيەپەرەس مەيدانىدا تۇرۇپ، ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ، ئىمپېرىيە ئىچىدە چېخ مىللىي ئاپتونومىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، 1848-يىلدىكى پراگا ئىيۇن مىللىي قوزغىلىڭىنى قوللىمىغان. 1852-يىلى قوشما شتات غايىسى يوققا چىققانلىقتىن، ئىستېپا بەرگەن. 1860-، 1861-يىللىرى يەنە ئاۋسترىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئەزاسى بولغان ھەمدە چېخ مىللىي پارتىيىسىنىڭ داھىيسى بولغان. 1867-يىلى موسكۋادىكى پان سلاۋيانچىلار يىغىنىغا قاتناشقان. «بوھىمىيە مىللىي تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

پالاسئوۋالدېس

  • پالاسئوۋالدېس[يەشمىسى:] Armando Palasio Valdes، 1853 — 1938) ئىسپانىيە يازغۇچىسى. ئاستورىياستا تۇغۇلغان. مادرىد ئەدەبىيات كۇلۇبى «ئاسېنىئون» نىڭ ئەزاسى. 1875 — 1878-يىللىرى «ياۋروپا ئوبزورى»نى چىقارغان. ئەدەبىي ئىستىلى ئۆتكۈر، يۇمۇرلۇق، رېئال ۋە ئۈمىدۋار بولغان. جەنۇبىي رايونلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆپرەك ئەكس ئەتتۈرگەن. روھىي ھالەتنى تەسۋىرلەشكە ماھىر، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ ئوخشىمىغان ئوبرازىنى سۈرەتلەشكە ئىنتايىن ماھىر بولغان. ئۇنىڭ «مالتا ۋە مارى»، «بىر مەجرۇھنىڭ ھېكايىسى»، «تۆتىنچى دەرىجە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 1901 — 1932-يىللىرى ئەسەرلىرىدىن 28 توم نەشىر قىلىنغان، 1945-يىلى يەنە ئىككى توم نەشر قىلىنغان.

پاللاۋىكىنو

  • پاللاۋىكىنو[يەشمىسى:]Pierto Pallavicino، 1607 — 1667) ئىتالىيىلىك تېنولوگ، تارىخشۇناس ۋە شائىر. 1637-يىلى ئىيېزۇئىتلار جەمئىيىتىگە رەسمىي قاتناشقان. 1639- يىلى رىم ئىيېزۇئىتلار ئىنىستىتۇتىنىڭ پەلسەپە پروفېسسورى بولغان. 1643-يىلى تېنولوگىيە پروفېسسورى بولغان. 1659-يىلى كاردىنال ئېپىسكوپ بولغان. تارىخ تەتقىقاتىدا ماتېرىيال رەتلەشنى ۋە ماتېرىيال توپلاشنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پاپانىڭ مەۋقەسىدە تۇرۇپ، دىن ئىسلاھاتىغا قارشى تۇرغان. ئاساسلىق ئەسىرىدىن «ترېنتو دىنىي يىغىنىنىڭ تارىخى» بار.

پاللاۋىكىنو-ترىۋۇلزىئو

  • پاللاۋىكىنو-ترىۋۇلزىئو[يەشمىسى:]Giorgio Guido Pallavicino _ Trivulzio، 1796 — 1878) ئىتالىيە ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتچىسى، ماركىز. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىلان مەخپىي پىدائىيلار قوشۇنى ۋەتەنپەرۋەرلەر جەمئىيىتىگە قاتناشقان، 1821-يىلى 12-ئايدا قولغا ئېلىنغان ھەمدە 1835-يىلغىچە قامالغان. 1848-يىلى 3-ئايدا مىلان خەلقىنىڭ ئاۋسترىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 50-يىللاردا مۆتىدىل دېموكراتىزمچىدىن ھۈرىيەتپەرۋەرگە ئايلانغان. 1857 -يىلى ئىتالىيە مىللىي جەمئىيىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1860-يىلى گارىبالدىنىڭ ئىنقىلابىي ئارمىيىسى نېئاپولغا كىرگەندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ مۇستەبىتى بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ تەسىرىنى كۈچىنىڭ بارىچە ئاجىزلاشتۇرغان ھەمدە ساۋوييا خاندانلىقىنىڭ ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە كۈچ چىقارغان. 1862-يىلى پالېرمو ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

پالما

  • پالما[يەشمىسى:]Ricardo Palma، 9191 — 3381) پېرۇلۇق ئالىم ۋە يازغۇچى. ياش ۋاقتىدا قانۇن ئۆگەنگەن. ھەربىي پاراخوت بوغالتىرى ۋە دېڭىز ئارمىيە سوتىنىڭ كاتىپى بولغان. سىياسىي كۈرەشكە قاتناشقانلىقتىن، 3681 — 0681-يىللىرى چىلىغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن ئاخبارات ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1868-يىلى پېرۇ زۇڭتۇڭىنىڭ كاتىپى بولغان ھەمدە پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 2191—4881-يىللىرى دۆلەتلىك كۇتۇپخانىنىڭ مۇدىرى بولۇپ تۇرغاندا، تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان كىتابلارنى قايتىدىن رەتلەپ-تۈزۈشكە زور كۈچ چىقارغان ھەمدە 1887-يىلى پېرۇ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنى قۇرغان. 1872-1906-يىللىرى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىق دەۋرى ئاساسىي ۋەقەلىك قىلىنغان ئون توملۇق «پېرۇ رىۋايەتلىرى» نى ئېلان قىلغان. لىرىكىلىق ئەسەرلىرىدىن «شېئىرلار توپلىمى»، تارىخ ئەسەرلىرىدىن «لىما دىنىي سوتىنىڭ يىلنامىسى»، «لىما كۇتۇپخانىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى» ۋە تىلشۇناسلىق ئەسەرلىرىدىن «يېڭى سۆز-ئىبارە ۋە ئامېرىكا قىتئەسى مەسلىكى» قاتارلىقلار بار.

پالمارېس جۇمھۇرىيىتى

  • پالمارېس جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:]ئەسىردە برازىلىيە قاچقۇن نېگىر قۇللىرىدىن تەشكىل تاپقان دۆلەت. پالمارېس پورتۇگالچە Palmares نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، پالما دەرىخى دېگەن مەنىدە، بۇ دۆلەت پالمازارلىققا جايلاشقان بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. تەخمىنەن 1633-يىلى برازىلىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قاچقۇن نېگىر قۇللار مونداۋو دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا بىرلىشىپ بۇ جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان، مەركىزىي ماكاك شەھىرى بولۇپ، تەخمىنەن 20000 ئاھالىسى بولغان. ئۇلار ئافرىقىدىكى بەنتۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە بىر نەپەر دۆلەت باشلىقى سايلاپ، ئەدلىيە تۈزۈمى ئورنىتىپ، يەرلەرنى تەقسىم قىلىپ، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن سودا قىلىشقان. ئاھالىسىنىڭ كۆپى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. نېگىرلار دۆلىتىنى قوغداش ئۈچۈن، مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىنى ياساپ، تەخمىنەن 10000 كىشىلىك ئارمىيە تەربىيىلىگەن. 8761 — 4561-يىللىرى پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى كۆپ قېتىم چېكىندۈرگەن ھەمدە مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتنى 1678-يىلى ئۇرۇش توختىتىش سۈلھىسى تۈزۈشكە مەجبۇرلىغان. 1694-يىلى 6000 كىشىلىك پورتۇگالىيە ئارمىيىسىنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغان. نېگىر جەڭچىلەر باتۇرلارچە جەڭ قىلغان، ئىككىنچى يىلىغا كەلگەندە ئاخىرى مەغلۇپ بولغان.

پالمېر تۇتقۇنلۇقى

  • پالمېر تۇتقۇنلۇقى[يەشمىسى:]ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئىنقىلابچىلارنى بىر قېتىملىق باستۇرۇشى. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابى ۋە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاياغلىشىش تەسىرى ئاستىدا، ئامېرىكىدا سىنىپىي كۈرەشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن. 1919-يىلى، ئەدلىيە مىنىستىرى پالمېر (Alexander Mitchell Palmer، 1872— 1936) ئۇرۇش ۋاقتىدا ئېلان قىلىنغان «جاسۇسلارنى جازالاش قانۇنى» دىن پايدىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىرىنى تۇتقۇن قىلغان. 10-ئايدا سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىنى قولغا ئالغان. 11-ئايدا نيۇ-يورك ساقچىلىرى ئۆكتەبر ئىنقىلابىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشقان ئاممىدىن بىرقانچە يۈز كىشىنى قولغا ئالغان. 1920-يىل 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئەدلىيە مىنىستىرلىكى مەملىكەت بويىچە 70 شەھەردە بىرلا ۋاقىتتا چوڭ تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ بارغان. قولغا ئېلىنغان ئىشچىلار، كوممۇنىستلار 10000 كىشىگە يەتكەن. ئامېرىكا كومپارتىيىسى ۋە ئامېرىكا سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ كۆپىنچىسى قولغا ئېلىنغان، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى زاتلاردىن 500 دىن ئارتۇق كىشى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. بۇ قېتىمقى چوڭ تۇتقۇن قىلىش تارىختا «پالمېر تۇتقۇنلۇقى» دەپ ئاتالغان. 

پالمېرستون

  • پالمېرستون[يەشمىسى:]Henry John Temple Palmerstom، 5681 — 4871) ئەنگلىيە باش ۋەزىرى (8581 — 5581، 1859— 1865) كېمبرىجدىكى سېن جون ئىنستېتۇتىدا ئوقۇغان. دەسلەپتە تورى پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ، 1807-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1808-يىلدىن باشلاپ دېڭىز ئارمىيە مۇئاۋىن ۋەزىرى، ھەربىي ئىشلار ۋەزىرى بولغان. كېيىن خويگ پارتىيىسىگە كىرگەن. 1830-يىلدىن باشلاپ ئۈچ قېتىم تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (4381 — 0381، 1481 — 5381، 1581 — 5481) بولغان. 5581 — 2581-يىللىرى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. كېيىن لىبېراللار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە ئىچكى جەھەتتە مۇتەئەسسىپ سىياسەتنى يولغا قويغان. تاشقى جەھەتتە بېلگىيە-ئىسپانىيە قاتارلىق جايلاردىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەرنى قوللىغان؛ ئىككى قېتىم جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىدىغان ئەپيۇن ئۇرۇشىنى قوزغىغان ۋە تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابىنى باستۇرغان؛ ھىندىستاندىكى مىللىي چوڭ قوزغىلاڭ (1857 — 1859) نى باستۇرغان؛ قىرىم ئۇرۇشى (1853 — 1856)نى قوزغاپ، روسىيە بىلەن تۈركىيە قاتارلىق رايونلارنى تالاشقان؛ ئامېرىكىدىكى جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى مەزگىلى (1861 — 1865) دە جەنۇبتىكى قۇلدارلارنىڭ كۈچلىرىنى پائال قوللىغان. 

پالمىرا

  • پالمىرا[يەشمىسى:]Palmyra)سۈرىيىنىڭ قەدىمكى زاماندىكى پايتەخت خارابىسى. ئورنى سۈرىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەمەشق شەھىرىنىڭ شەرق شىمالىدىن تەخمىنەن 230 كىلومېتر كېلىدىغان سۈرىيە قۇملۇقىدا. ئۇ قەدىمكى زاماندا پارىس قولتۇقى بىلەن شەرقتىكى دۆلەتلەرنى شۇنىڭدەك ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن غەربتىكى دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان خەلقئارا سودا مەركىزى ھەم قەدىمكى زاماندىكى «يىپەك يولى»نىڭ مۇھىم تۈگۈنى. مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گۈللىنىشكە باشلىغان. 273-يىلدىكى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلىنغان. ⅩⅧ ئەسىردە يېڭىدىن تېپىلغان. ئاساسلىق خارابىسى ئۇزۇنلۇقى 1600 مېتر كېلىدىغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە بولۇپ، زەپەر دەرۋازىسى، تۆت تۈۋرۈكلۈك دەرۋازا، بېل ئىبادەتخانىسى، تاش تۈۋرۈكلۈك كارىدور، تىياتىرخانا قاتارلىقلار بار، ئۇ Ⅱ ئەسىردە پادىشاھ ھادرىئان ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ياسالغان. يېقىن ئەتراپتىكى قەبرىستانلىقتىمۇ مۇنار قەبرە، ئىبادەتخانا شەكىللىك قەبرە ۋە ئۆڭكۈر قەبرىلەر بار. قەبرە ئىگىسىنىڭ ھەيكىلى، تام رەسىملىرى ۋە يىپەك توقۇلما قاتارلىق قەدىمكى نەرسىلەر تېپىلغان.

پالېرمو تاش ئويمىچىلىقى

  • پالېرمو تاش ئويمىچىلىقى[يەشمىسى:]مىسىردىكى ئەڭ قەدىمكى يىلنامە ئويۇلغان ئابىدە تاش(يىللار خاتىرىسى). ھازىر ئۇنىڭ پارچىلىرى ئىتالىيىدىكى سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ مەركىزىي پالېرمو (Palermo) مۇزېيىدا ساقلانماقتا، ئابىدىگە رەتلىك قىلىپ تەسۋىرىي يېزىق ئويۇلغان بولۇپ، دەسلەپكى سۇلالىدىن تارتىپ تاكى بەشىنچى سۇلالىگىچە بولغان (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅩⅤ ئەسىرگىچە) فىرئەۋىنلەرنىڭ ئىسىملىكى ھەمدە فىرئەۋىنلەرنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالى (يۇقىرى-تۆۋەن مىسىرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇرۇشلىرى، نۇبىيە ۋە فىنىكلارغا قىلىنغان ھەربىي يۈرۈشلەر) خاتىرىلەنگەن بولۇپ، قەدىمكى مىسىر دۆلىتىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پالېئولوگۇس خاندانلىقى

  • پالېئولوگۇس خاندانلىقى[يەشمىسى:]ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى(1261—1453)، پالېئولوگۇس (Palaeolgus) جەمەتىدىكى مىخائىل Ⅷ قۇرغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، 1342 — 1349-يىللىرىدىكى زىلوت (Zealot) قوزغىلىڭىنى باستۇرغان؛ ۋېنتسىيىلىكلەر بىلەن گېنويەلىكلەرگە كەڭ تۈردە سودا ئىمتىيازى بېرىپ، بۇ دۆلەتنىڭ سودا-سانائەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغان؛ فېئوداللارنىڭ ئىچكى نىزالىرى يەنە دۆلەت كۈچىنى ئاجىزلىتىۋەتكەن. 1453-يىلى، تۈركىيىلىكلەر كونىستانتىنىپۇلنى ئىگىلەپ، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى يوقاتقان. ئاساسلىق پادىشاھلار ھەمدە ئۇلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان يىللىرى: مىخائىل Ⅷ. (1261 — 1282)، ئاندرونىكوس Ⅱ (1282—1328)، يوھان Ⅵ (كانتا كۇزېنې)(1347 — 1355)، ماننۇئېلⅡ(1391 — 1425)، كونىستانتىن Ⅺ (1449 — 1453).

پان

  • پان[يەشمىسى:]Pan) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىسىدىكى پادىچىلار خۇداسى. كارۋان خۇداسى ھېرىمىسىنىڭ ئوغلى، ئۇنىڭ ئاپىسى پېنېلوپې (Penelope)مىش. ئادەم گەۋدىلىك، قوي پۇتلۇق، مۈڭگۈزى بار بولۇپ، دالادا ياكى تاغ ئۆڭكۈرىدە تۇرۇپ، پادىچىلار ۋە ئوۋچىلارنى قوغدىغان. مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرۈپ، دائىم تاغ ئورمىنىدىكى تەڭرىچىلەرنى باشلاپ ئويۇن-تاماشا قىلغان. دەسلەپتە پەقەت ئاركادىيە (جەنۇبىي يۇنان) نىڭ يەرلىك خۇداسى بولغان. كېيىن گرېكلار ئۇنىڭغا كەڭ تۈردە چوقۇنغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مارافون جېڭىدە (مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى) ئافىنالىقلارغا ياردەملىشىپ، پېرسىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغانىكەن، شۇنىڭدىن باشلاپ ئافىنالىقلار ئاكروپولىسنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تاغ ئۆڭكۈرىدە بۇتخانا سېلىپ ئۇنىڭغا نەزىر-چىراغ قىلغان ھەمدە ھەر يىلى ئۇنىڭ بايرىمىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇ يەنە نەينى ياسىغۇچى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ئاركادىيىدىكى ساھىبجامال سىرىنكىسنى (Syrinx) ياخشى كۆرىدىكەن، سىرىنكىس قومۇشقا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ قومۇشتىن نەي ياساپ چالغانىكەن. قەدىمكى رىم ئەپسانىسىدە فائۇنۇس (Faunus) دەپ ئاتالغان.

پانامادىكى سەتچىلىك

  • پانامادىكى سەتچىلىك[يەشمىسى:]فرانسىيىنىڭ ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەت ۋاقتىدىكى خىيانەتچىلىك قىلىش، پارا بېرىش چوڭ دېلوسى. 1879-يىلى فرانسىيە پاناما قانىلى شىركىتى قۇرۇپ، سۈۋەيش قانىلى ئارخىتېكتورى لېسسېپىس باشقارما باشلىقى بولغان. شىركەت ھۆكۈمەتكە پارا بېرىپ، كۆپ مىقداردا پاي چېكى تارقىتىپ، تېز ۋاقىت ئىچىدىلا 1 مىليارد 500 مىليون فرانكلىق مەبلەغقە ئېرىشىۋالغان. ئەمما باشقۇرۇش ياخشى بولمىغانلىق ۋە خىيانەتچىلىك، كۆز بويامچىلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 1888-يىلى بەربات بولغانلىقىنى جاكارلىغان. 100 مىڭلىغان پايچىكلار ئىقتىسادىي جەھەتتە زور زىيانغا ئۇچرىغان. 1893-يىلى پارلامېنت سايلىمىدىن بۇرۇن، گېزىت-ژۇرناللاردا شىركەت خوجايىنىنىڭ تازا بېيىپ كەتكەنلىكى ۋە يۈزلىگەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ، ئەمەلدارلارنىڭ پارا يېگەنلىكىگە (جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە كېمېكېئا ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رادىكاللارغا) ئائىت نۇرغۇن ئىچكى سىرنى پاش قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە غۇلغۇلا قوزغىغان. ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئالدىراپ-تېنەپ شىكايەت قىلىنغان ئەمەلدارلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. 1894-يىلى، شىركەت ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن؛ 1903-يىلى مەزكۇر شىركەت قانال قېزىش ھوقۇقىنى ئامېرىكىغا سېتىپ بەرگەن، كېيىن پاناما دېگەن بۇ نام ئەمەلدارلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ تىل بىرىكتۈرۈشىدىن ئىبارەت چوڭ ئالدامچىلىقنىڭ ۋەكالەت ئىسمى بولۇپ قالغان.

پاناما ۋەقەسى

  • پاناما ۋەقەسى[يەشمىسى:]ئامېرىكىنىڭ پاناما قانال رايونىنى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن، پانامانى كولومبىيىدىن ئايرىلىشقا قۇتراتقان سىياسىي ئۆزگىرىش. 1901-يىلى1-ئايدا، ئامېرىكا كولومبىيە دائىرىلىرى بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، ئامېرىكىنىڭ قانال قېزىش ھوقۇقىغا مەڭگۈلۈك ئىجارىگە بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەندە، كولومبىيە كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. 11-ئاينىڭ 3-كۈنى پانامادا سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، پاناما جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان؛ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئامېرىكا ئۇنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە سىياسىي ئۆزگىرىشنى بىۋاسىتە قۇتراتقۇچى، پانامانىڭ ئامېرىكىدا يېڭىدىن تۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئەلچىسى فىلېپپې ژېئان بۇنائۇۋارىللا( Philippe Jean Bunau- Varilla، 1860 — 1940)بىلەن 18-كۈنى «ئامېرىكا پاناما شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. شەرتنامىدە: پاناما قانال رايونىدىكى 1.16 كىلومېتر كەڭلىكتىكى جاينى «ئامېرىكىنىڭ مەڭگۈلۈك پايدىلىنىشىغا، ئىگىلەپ تۇرۇشىغا ۋە كونترول قىلىشىغا» ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ؛ بۇ رايوندا ئامېرىكا قوراللىق كۈچلەرنى ئىشلەتسە، ئىستىھكام ياسىسا ۋە ئارمىيە تۇرغۇزسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «تەرتىپ ساقلاش» ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. پاناما پەقەت ئامېرىكىدىن ئون مىليون ئامېرىكا دوللىرى «تۆلەم پۇلى» ئالغان، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ھامىيسىغا ئايلىنىپ قالغان.

پاناھلىق تۈزۈمى

  • پاناھلىق تۈزۈمى[يەشمىسى:] «ھامىيلىق تۈزۈمى»(1)گە قاراڭ.

پان تۈركىزم

  • پان تۈركىزم[يەشمىسى:]ئوسمانىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۈرك بۇرژۇئا-پومېشچىكلار گۇرۇھىنىڭ شوۋىنىزملىق ھەرىكىتى. تۈركىيە تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان بارلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش كېرەك، دېگەننى تەرغىپ قىلغان. بۇ ھەرىكەت دەسلەپ روسىيىنىڭ قىرىم ۋە ۋولگا دەرياسى ۋادىلىرىدا ياشىغۇچى تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە بارلىققا كېلىشىگە باشلاپ، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەكىللەنگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كەڭ تارقالغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فاشىزمنىڭ تۈركىيىدىكى ئۆگەرتىلگەن تۈرىگە ئايلىنىپ قالغان.

پانچور

  • پانچور[يەشمىسى:]Panchor) ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. سۇماترا ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىي قىرغىقىدىكى باروس (Baros) ئەتراپىغا جايلاشقان. تاشقى سودىسى راۋاج تاپقان. سوئىۋىجايا تەۋەسىدە بولغان. ھىندۇنېزىيە بويىچە ئىسلام دىنى ھەممىدىن بۇرۇن كىرگەن جايلارنىڭ بىرى. ⅩⅣ ئەسىردە مادجاپاخىتقا بويسۇنغان. ⅩⅦ ئەسىردە ئاسېخنىڭ بېقىندىسى بولغان.

پانتېئون

  • پانتېئون[يەشمىسى:]Pantheon)(1)ئادەتتە قەدىمكى رىمدىكى تۈمەن تەڭرى ئىبادەتخانىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىگە جايلاشقان. پادىشاھ ئاۋگۇستۇس ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا (مىلادىدىن 27 يىل ئىلگىرىدىن مىلادى 14-يىلغىچە) ئاگرىپپا قۇرغان. رىمدىكى بارلىق تەڭرىلەر قويۇلغانلىقتىن پانتېئون (تۈمەن تەڭرى) دەپ ئاتالغان. كېيىن گۈلدۈرماما ۋە چاقماق سوقۇش بىلەن قىسمەن بۇزۇلغان. پادىشاھ خادرىئان تەختتە تۇرغان چاغدا (117 — 138) مىلادى 120 — 124-يىللىرى يېڭىباشتىن سېلىنغان. يۇمىلاق شەكىلدە بولۇپ، دىئامېترى 5.43 مېتر؛ ئۆگزىسى گۈمبەزسىمان بولۇپ، ئېگىزلىكى دېئامېترغا تەڭ كېلىدۇ. گۈمبەزنىڭ ئوتتۇرىسىدا دىئامېترى تەخمىنەن 9 مېتر كېلىدىغان يۇمىلاق تۈڭلۈكى بار. سىرتىدا ئالدى تەرىپىدە رىم كولېنىس شەكىللىك تۈۋرۈكلۈك كارىدورى بار. كۆرۈنۈشى كۆركەم، ئۆزگىچە بولۇپ، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاجايىپ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. Ⅶ ئەسىردىن باشلاپ خرىستىئان دىنى چېركاۋسىغا ئۆزگەرتىلگەن. (2) فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى ئاتاقلىق كىشىلەرنى خاتىرىلەش زالى. 1757 — 1790-يىللىرى سېلىنغان.

پاندورا

  • پاندورا[يەشمىسى:]Pandora) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى بۇ ئالەمدىكى تۇنجى ئايال. تەڭرى زېۋىس پىرومىتىنىڭ ئوتنى ئىنسانلارغا ئوغرىلاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن غەزەپلىنىپ، ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن ئوت خۇداسى گېپسىتوسنى سېغىز ۋە سۇ بىلەن ساھىبجامال پاندورانى ياساشقا بۇيرۇغان. خۇدالار ئۇنىڭغا ئىنسانلارغا زىيانلىق ھەر خىل سوۋغاتلارنى بەرگەن. ئۇ بۇلارنى بىر-بىرلەپ گۆھەر قۇتىغا سېلىپ قويغان، زېۋىس ھېرمىسنى ئۇنى پىرومىتىنىڭ ئىنىسى ئېپىمېتۇس (Epimetheus) غا ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتكەن. ئېپىمېتۇس ئاكىسىنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي، پاندورانى ئالغان. پاندورا قىزىقىپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن گۆھەر قۇتىسىنى ئېچىۋەتكەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى كېسەللىك، جىنايەت، كۈلپەت، ھەسەتخورلۇق، غالجىرلىق قاتارلىق بالايىئاپەتلەر بىراقلا ئۇچۇپ چىقىپ، پانىي دۇنياغا كەلگەن. پەقەت ئۈمىدلا گۆھەر قۇتىسىدا قېپقالغان. شۇڭا بۇ دۇنيا ئەندىشە ۋە بەختسىزلىككە تولغان. كېيىن كىشىلەر ھەمىشە «پاندورانىڭ گۆھەر قۇتىسى» نى بالايىئاپەت مەنبەسىگە ئوخشاتقان.

پاندىيا

  • پاندىيا[يەشمىسى:]Pandya)جەنۇبىي ھىندىستاندىكى قەدىمكى دۆلەت. يېرىم ئارالنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، پايتەختى مادورا(Mandura) ھازىرقى ماتۇلەي. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردە قۇرۇلغان بولسا كېرەك. ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ۋەقەلىكلەردىن مەلۇم بولغانلىرى ئىنتايىن ئاز. پادىشاھ ئاسوكا ئابىدىسىدىكى يارلىقتا ئىمپېرىيىنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى سىرتىدىكى بىر مۇستەقىل رايون دەپ قارالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰئەسىردە كالىنگانىڭ پادىشاھى كاراۋېلا ئۇنى بويسۇندۇرغان، تەخمىنەن مىلادىدىن 20 يىل ئىلگىرى بىر ئەلچىنى قەدىمكى رىمنىڭ پادىشاھى ئاۋگۇستنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەن. تەخمىنەن 361-يىلى رىم پادىشاھى يۇلىئان تەختتە تۇرغان چاغدا يەنە رىمغا ئەلچى ئەۋەتكەن. كېيىن زاۋاللىققا يۈز تۇتقان، Ⅶ — Ⅵ ئەسىرلەردە قايتا گۈللىنىپ، كولا، جېيلو، پاناۋا قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرنى مەغلۇپ قىلغان؛ Ⅸ ئەسىردە سەيلون (ھازىرقى سىرىلانكا) غا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. Ⅹ ئەسىردە كولا ئۇنى بويسۇندۇرغان. Ⅺ ئەسىردە يېڭىباشتىن مۇستەقىل بولغان، ⅩⅢ ئەسىردە تازا گۈللىنىپ كەتكەن، زېمىنى شىمالدا كۇداپا، نىلورلارغىچە، جەنۇبتا سەيلونغىچە كېڭەيگەن. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىمالىي ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان، كۈچى زەئىپلىشىپ كەتكەن. ⅩⅥ ئەسىردە مۇنقەرز بولغان.

پان سلاۋىيانچىلىق

  • پان سلاۋىيانچىلىق[يەشمىسى:]چارروسىيە تەرغىپ قىلغان بىر خىل ئىرقچىلىق نەزەرىيىسى. ۋىلكىرۇس شوۋىنىزمنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى شەكىللەنگەن. پوگودىن (М.П.Погодин، 1800 — 1875)قاتارلىق كىشىلەر ۋەكىللىكىدىكى كىشىلەر سلاۋىيان مىللەتلىرىنىڭ ئازادلىق ئارزۇسىدىن پايدىلىنىپ، رۇسلارنى مەركەز قىلغان ھالدا، سلاۋىيان مىللەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش نۇقتىئىنەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلغان. نىكولايⅠ دىن تارتىپ ئۆتكەن چار پادىشاھلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ ۋىۋىسكىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، تەرەپ-تەرەپكە تاجاۋۇز قىلىپ، ئىلبا دەرياسىدىن تارتىپ جۇڭگوغىچە، ئادرىئاتىك دېڭىزىدىن تارتىپ شىمالىي مۇز ئوكيانغىچە بولغان رۇسلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى «سلاۋىيان ئىمپېرىيىسى» نى تىكلەش خام خىيالىدا بولۇپ كەلگەن. ئېنگېلس مۇنداق دەپ كۆرسەتكەنىدى: «پان سلاۋىيانچىلىق — مەۋجۇت بولمىغان سلاۋىيان مىللىتىدىن ئىبارەت بۇ نىقاب ئاستىدا دۇنياۋى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىشتىكى ئالدامچىلىق پىلانى، ئۇ، بىزنىڭ ۋە روسىيىلىكلەرنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى»(«ماركس-ئېنگېلس ئەسەرلىرى»، 35-توم. خەنزۇچە 1971-يىل نەشرى، 263-بەت).

پان گېرمانچىلىق

  • پان گېرمانچىلىق[يەشمىسى:]چوڭ گېرمانىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيە چوڭ بۇرژۇئازىيىسى بىلەن يۇنكېر-پومېشچىكلارنىڭ كېڭەيمىچىلىك قىلىش قارا نىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان شوۋىنىزملىق ئىدىيىۋى ئېقىمى ۋە ھەرىكىتى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بارلىققا كەلگەن. گېرمانىيە ئەينى زاماندا زامانىۋى چوڭ كاپىتالىستىك تېخنىكا ۋە يۈكسەك تەشكىلاتقا ئىگە جاھانگىر دۆلەتكە ئايلانغان. يۇنكېر-پومېشچىكلار بىلەن مونوپول بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىشىدىن تەشكىل تاپقان ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى، كۈچلۈك شوۋىنىزملىق ۋە مىلىتارىزملىق خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ، ئۇلار گېرمانىيىنىڭ «ماكانى كەم»، «زېمىنى بەك كىچىك» دەپ جار سېلىپ، «گېرمان ئىرقى ئەلاچىلىقى نەزەرىيىسى» نى تەرغىپ قىلغان، گېرمانلار ئولتۇراقلاشقان بارلىق رايونلارنى گېرمانىيىگە قوشۇۋېلىشنى، مۇستەملىكىلەرنى يېڭىباشتىن تەقسىم قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ دۇنيادىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ھەر خىل تەشكىلاتلارنى تەسىس قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچەپ تەرغىپ قىلىپ كەلگىنى 1891-يىلى قۇرۇلغان «پان گېرمان ئىتتىپاقى» («پان گېرمانىيە ئىتتىپاقى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىپ كەلگەن). گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، پان گېرمانچىلىقنى ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ سىرتقا تاجاۋۇزچىلىق ۋە باسقۇنچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا پايدىلانغان.

پان گېرمانىيە جەمئىيىتى

  • پان گېرمانىيە جەمئىيىتى[يەشمىسى:]پان گېرمان ئىتتىپاقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيە جاھانگىرلىكىنىڭ شوۋىنىزم تەشۋىقات ئورگىنى. 1891-يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، كۆپ قىسمى مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسى ۋە مىللىي لىبېراللار پارتىيىسى ئۇنسۇرلىرىدىن ئىبارەت. ئۆز ئىچىگە پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەت بيۇروكراتلىرى، گېنېراللار، سانائەتچىلەر، ئالىي مەكتەپ پروفېسسورلىرى ۋە ئالىي دەرىجىلىك روھانىيلار قاتارلىقلارنى ئالغان. دۆلەتنىڭ سىياسىي ھاياتى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ناھايىتى زور تەسىرگە ئىگە بولۇپ، گېزىت-ژۇرنال، تىياتىرخانا قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى داۋاملىق چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، گېرمانىيە خەلقىگە چوڭ گېرمانچىلىق ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈپ، گېرمان ئىرقى ئەلاچىلىقى نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلىپ كەلگەن. گېرمانلار ئولتۇراقلاشقان بارلىق رايونلارنى گېرمانىيىگە قوشۇۋېلىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ مۇستەملىكە كېڭەيمىچىلىكى ۋە ئۇرۇش سىياسىتىنى تەرغىپ قىلغان، قوراللىق كۈچكە تايىنىپ دۇنيادىكى مۇستەملىكىلەرنى يېڭىباشتىن بۆلۈشۈۋېلىشنى، گېرمانىيىنىڭ دۇنياۋى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تىكلەشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. كېيىن بۇ جەمئىيەتنىڭ تەشكىلى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئەمەلىيەتتە گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىدىكى بارلىق شوۋىنىزملىق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنىغا ئايلىنىپ قالغان. 1939-يىلى تارقىتىۋېتىلگەن.

پاننونىيە

  • پاننونىيە[يەشمىسى:]Pannonia) قەدىمكى يەر نامى. دۇناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدا (غەربىي شىمالدا گېرمانلار). غەربىي نورىكوم بىلەن، جەنۇبى ئىللىرىيە بىلەن، شەرقىي مىسىيە ۋە داسىيە بىلەن تۇتىشىدۇ (داسىيە بىلەن دۇناي دەرياسى ئايرىپ تۇرىدۇ). ئاھالىسى ئىللىرىيىلىكلەر بىلەن نەسىلداش دەپ قارالماقتا. رومانلار پاننونىلار دەپ ئاتايدۇ، قەيسەر، ئۇرۇشقا ماھىر. ئاۋگۇست (ئوكتاۋىئان) تەختتىكى مەزگىلىدە (مىلادىدىن 27 يىل ئىلگىرى — مىلادى 14 يىلى)، رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. مىلادى 6-(ياكى 7-) يىلى پاننونىلار رىمغا قارشى تۇرۇش، مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش چوڭ قوزغىلىڭى (تارىختا «پاننونىيە قوزغىلىڭى» دەپ ئاتىلىدۇ) نى قوزغاپ، يېقىن قوشنىسى بولغان ئىللىرىيە (دالماسىيا) دىكى قەبىلىلەر بىلەن بىرلەشكەن، تازا ئەۋج ئالغان چاغدا ئادەم سانى 100 — 200 مىڭغا يەتكەن؛ رىم ھۆكۈمرانلىرى ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن. تېبېرىئۇس (كېيىن پادىشاھ بولغان) ئەسكەر باشلاپ بېرىپ، توققۇز يىل جاپالىق جەڭ قىلىپ ئاران باستۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن رىم پاننونىيىنى ئۈلگە قىلىپ، نۇرغۇن ئەسكەر بىلەن (يەتتە جۈنتۇەنگە يەتكەن) ساقلىغان، رىم كۆچمەنلىرى ۋە سودىگەرلىرى ھەرىدەك يېپىلىپ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن كەينى-كەينىدىن بىر تۈركۈم مۇستەملىكە شەھەرلەر مەيدانغا كەلگەن. تەخمىنەن 102 — 103-يىللىرى يەنە ئىككى ئۆلكىگە بۆلۈنگەن، غەربىي قىسمى يۇقىرىقى پاننونىيە ئۆلكىسى دەپ ئاتالغان، شەرقىي قىسمى تۆۋەنكى پاننونىيە ئۆلكىسى دەپ ئاتالغان. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، پاننونىيە يەنىلا ئۇنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم تايانچ بازىسى بولغان (گېرمانلار دائىم مۇشۇ ئەتراپتىن رىمغا ھۇجۇم قىلغان). Ⅴ ئەسىردە بىر مەھەل ھونلار (ئاتتىلا) تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان، كېيىن شەرقىي گوتلار ۋە لومباردلار كەينى-كەينىدىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.

پانفېروۋ

  • پانفېروۋ[يەشمىسى:]Фёдор Иванович Панфёров، 1896 — 1960) سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى، 1926-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىك)گە كىرگەن،ئىككىنچى نۆۋەتلىكتىن تۆتىنچى نۆۋەتلىككىچە سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېت ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان. ئۇنىڭ «بىلەي تاش كولخۇزى» (تۆت قىسىم) ناملىق رومانىدا يېزا ئىگىلىكىنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئەھۋالى بايان قىلىنغان؛ «تىنچلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى»، «ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە قالغان مەملىكەتتە» ۋە «ئەڭ زور سەنئەت» دېگەن ئەسەرلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى كۈرىشى ۋە تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن«ۋولگادەرياسى — مېنىڭ ئانام»، «چوڭقۇر خىيال» قاتارلىق رومانلارنى ئېلان قىلغان. بۇ ئەسەرلەردە سوۋېت خەلقىنىڭ سوتسىيالىزم قۇرۇشتىكى ئەمگەك قىزغىنلىقى تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا دراما ۋە ئوچېرىكلارنىمۇ يازغان.

پانىپات جېڭى

  • پانىپات جېڭى[يەشمىسى:]ⅩⅥ ئەسىردىن ⅩⅧ ئەسىرگىچە ھىندىستاننىڭ دېھلى ئەتراپىدىكى پانىپات (Panipat) تا ئېلىپ بېرىلغان ئۈچ قېتىملىق جەڭ. (1) 1526-يىل 4-ئاينىڭ 21-كۈنى، بابۇر 12000 كىشىلىك قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ، قارا مىلتىق (تۈفەڭ) ۋە توپ-زەمبىرەك بىلەن دېھلى سۇلتانى ئىبراھىم لودى (Ibrahim Lodi) نىڭ 40000 كىشىلىك (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە 100 مىڭ كىشىلىك) ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، دېھلى بىلەن ئاگرانى ئىشغال قىلىپ، موغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. (2) 1556-يىل11-ئاينىڭ 5-كۈنى، موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى ئەكبەرنىڭ باش ۋەزىرى بايرامخان (Bairam Khan) 10000 كىشىلىك قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ، ئافغانىستان گېنېرالى خېمۇ (Hemu) قوماندانلىقىدىكى 50000 كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن (1500 ئۇرۇش پىلى بار) نى مەغلۇپ قىلغان. خېمۇغا يا ئوقى تېگىپ، ئەسىرگە چۈشكەندە ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئەكبەر موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەن. (3) 1761-يىل 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، ھىندىستاندىكى ماراتلارنىڭ يولباشچىسى سادا شېئوبائو (Sadasheo Bhao) 45000 كىشىلىك قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ، ئافغانىستان پادىشاھى ئەخمەد شاھ دوررانىنىڭ 60000 كىشىلىك قوشۇنى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان، ماراتلار مەغلۇپ بولغان، موغۇل ئىمپېرىيىسى قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئىسمى بار جىسمى يوق بولۇپ قالغان. ئافغانىستانمۇ ئاجىزلاشقان، بۇ جەڭ ھىندىستان يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندا مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن.

پانىنى

  • پانىنى[يەشمىسى:]Pānini، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ — Ⅴ ئەسىرلەر). بەينىنىمۇ دېيىلىدۇ. قەدىمكى ھىندىستان سانسىكرىت تىلى گرامماتىكىچىسى. غەربىي ھىندىستاندىكى سالاتۇرا (Salatura)دا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ «ئەدەبىي تىپ» («سەككىز بابلىق كىتاب» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ) دېگەن ئەسىرى بولۇپ، جەمئىي سەككىز بابقا بۆلۈنگەن، تەخمىنەن تۆت مىڭ ماددا (جۈملە) لىك تىل تاۋۇشلىرى، گرامماتىكا قائىدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ ئەڭ دەسلەپكى گرامماتىكا ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ؛ باشقا ئالىملار تەرىپىدىن تۈزىتىلىپ، ئىزاھلىنىش ئارقىلىق قېلىپلاشقان سانسىكرىت تىلى گرامماتىكىسىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى، كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.

پان ياۋروپا ئىتتىپاقى

  • پان ياۋروپا ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]فرانسىيە دىپلوماتىيە ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ياۋروپا كاپىتالىستىك دۆلەتلىرى ئىتتىپاقلىقى پىلانى. فرانسىيىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقتا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى برىئان 1929-يىل 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى نۇتقىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان؛ 1930-يىل 5-ئاينىڭ1-كۈنى، فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئەللىرىگە ئەۋەتكەن مېموراندۇمدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، ياۋروپا فېدېراتسىيىسىنى بەرپا قىلىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارا چېگرا بېجىنى بىكار قىلىشتىن ئىبارەت. 1931-يىلى 1-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىنى بۇ ئىتتىپاققا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان. فرانسىيىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن پولشا، چېخيە پائال ئاۋاز قوشقان، بىراق ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا قارشى تۇرغان. 1930-يىلى 5-ئايدا «ياۋروپا كومىتېتى» قۇرۇلغان، كېيىن ئىچكى زىددىيەتلەرنىڭ كەسكىنلىشىشى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئامالسىز قالغان.

پاھاڭ دۆلىتى

  • پاھاڭ دۆلىتى[يەشمىسى:]Pahang) مالايادىكى قەدىمكى دۆلەت. مالايا يېرىم ئارىلى جەنۇبىي قىسمىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان. سىرىۋىجايا دۆلىتىگە بېقىندى بولغان. 1378-يىلى (مىڭ سۇلالىسى خۇڭۋۇنىڭ 11-يىلى) دىن 1416-يىلى (مىڭ سۇلالىسى يوڭلېنىڭ 14-يىلى) غىچە جۇڭگوغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. جۇڭگو دېڭىزچىسى جېڭخې ئۇ يەرگە بارغان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مالاككا دۆلىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغان. كېيىن يەنە جوھورې دۆلىتىگە قارام بولغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا جوھورې دۆلىتى زاۋاللىققا يۈزلەنگەندىن كېيىن، ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل سۇلتانلىققا ئايلانغان. 1888-يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان.

پائۇل-بونكۇر

  • پائۇل-بونكۇر[يەشمىسى:]Joseph Paulus — Boncour، 1873—1972) فرانسىيە زۇڭلىسى (1932 — 1933). پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنشۇناسلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، كېيىن ئادۋوكات بولغان. 1898 — 1902-يىللىرى زۇڭلىنىڭ خۇسۇسىي كاتىپى بولغان. 1909-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1911-يىلى ئەمگەك مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1931-يىلى پارتىيىدىن ئايرىلىپ، باشقىدىن سوتسىيال جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىتتىپاقى تەشكىلاتىنى قۇرغان. كېيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى (1932)، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1933—1934، 1938)، دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى (1936) قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن. 1924 — 1926-يىللىرى خەلقئارا ئىتتىپاقتا تۇرۇشلۇق ۋەكىل بولغان. 1932 — 1936-يىللىرى خەلقئارا ئىتتىپاقتا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ، فاشىست گېرمانىيىنىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيىگە تەسلىم بولۇشقا ۋە ھاكىمىيەتنى پېتايىنغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قارشى تۇرغان. 1940 — 1944-يىللىرى ئامېرىكىدا سەرگەردانلىق تۇرمۇش كەچۈرگەن. 1945-يىلى فرانسىيە ۋەكىلى سۈپىتىدە سان فرانسىسكودا ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقان. 1946 — 1948-يىللىرى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۇنىڭ «ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئارىلىقىدا» دېگەن ئەسىرى بار.

پائۇل دىياكون

  • پائۇل دىياكون[يەشمىسى:]Paulus diaconus، تەخمىنەن 720 — 800) ئىتالىيىنىڭ لومبارد مىللىتىدىن بولغان تارىخشۇناسى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. لومبارد كورۇلى دېسدېرىنىڭ خىزمىتىدە بولغان. مىلادى 774-يىلى لومبارد خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، كاسنو تېغىدىكى (Monte Gassino، ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان) موناستىرغا پاناھلىنىپ بېرىپ، راھىب بولغان. 782 — 786-يىللىرى يەنە ئىمپېراتور چارلېسنىڭ ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان. 6 توملۇق «لومباردلار تارىخى» ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا لومبارد مىللەتلىرىنىڭ 568-يىلى ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، دۆلەت قۇرغان ۋاقتىدىن تارتىپ، 747-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. مەزكۇر كىتاب مول ماتېرىياللار ئاساسىدا يۈكسەك ئەدەبىي ماھارەت بىلەن يېزىلغان بولۇپ، بىرقەدەر يۇقىرى ئەدەبىي قىممەتكە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «رىم تارىخى» دېگەن ئەسىرىدە 364 — 553-يىللاردىكى رىمنىڭ تارىخىي ۋەقەلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئېئۇتروپىي (Eutropius، ؟— تەخمىنەن 370) يازغان «رىم تارىخى» نىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ.

پائۇل مەزھىپى

  • پائۇل مەزھىپى[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئەسىردىكى خرىستىئان دىنىنىڭ بىدئەت مەزھىپى. مىلادى Ⅶ — Ⅵئەسىرلەردە ئەرمىنىيىدە (Armenia) بارلىققا كەلگەن. Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ۋېزانتىيە ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى كىچىك ئاسىياغا تارقالغان. ئۇنىڭ مۇرىتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانلار بىلەن شەھەر پۇقرالىرىدىن ئىبارەت. بۇ مەزھەپ مانى دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئىككى مەنبەچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئىككى ئىلاھ — يەنى ئاق كۆڭۈل ئىلاھ (تەڭرى) ۋە قارا نىيەت ئىلاھ (شەيتان، ئالۋاستى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) مەۋجۇت بولۇپ، بارلىق مال-مۈلۈك بولۇپمۇ چېركاۋلارنىڭ مال-مۈلكى قارا نىيەت ئىلاھنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىغان. بۇ مەزھەپ ئورتودوكسال چېركاۋلارغا قارشى تۇرۇپ، دىنىي تەبىقە تۈزۈمىنى ۋە دىنىي ئەقىدىچىلىك تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، دىنىي مۇراسىملارنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى، ئەيش -ئىشرەتكە بېرىلمەسلىكنى، مۇقەددەس بۇتقا چوقۇنۇشنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ھەممە ئەزالار ئۆزئارا باراۋەر بولغان دەسلەپكى خرىستىئان جامائەسىنى قايتىدىن قۇرۇشقا ئۇرۇنغان. كېيىن مۇقەددەس بۇتنى بۇزۇش ھەرىكىتىنى قوللىغان. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەزكۇر مەزھەپنىڭ بىر قىسىم مۇرىتلىرى چېگرىدىن ئۆتۈپ، ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمىغا كىرىپ، قەلئەلەرنى سېلىپ، قوراللىق كۈچ تەشكىللەش ئارقىلىق، ۋېزانتىيە قوشۇنلىرىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. 872-يىلى ۋېزانتىيە ئىمپېراتورى بازىل Ⅰ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاپ، پائۇل مەزھىپىدىكىلەرنى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن پائۇل مەزھىپىنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇرىتلىرى سېپىروسقا كۆچۈرۈلگەن ھەمدە تەدرىجىي ھالدا شۇ يەردىكى باگامىل مەزھىپى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن.

پائۇلۇس

  • پائۇلۇس[يەشمىسى:]Julius Paulus، مىلادى Ⅲئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى) قەدىمكى رىم قانۇنشۇناسى. تۇغۇلغان يۇرتى ۋە تۇغۇلغان-ئۆلگەن ۋاقتى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق. بەزىلەر ئۇنى يۇنانىستانلىق دېيىشىدۇ. ئۇ سىكايۋولا (C Scaevola. Q، ئىمپېراتور ماركو ئوردىلۇ دەۋرىدىكى قانۇنشۇناس) نىڭ شاگىرتى. ئىمپېراتور سېپتىمىئۇس سېۋېرۇس (Septimius Severus) تەختتە ئولتۇرغان ۋاقتىدا ئەمەلدار بولغان بولۇپ، قانۇنشۇناس بابىلئان بىلەن زامانداش، لېكىن ئورنى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان. بىر مەزگىل سۈرگۈن قىلىنغان. ئالېكساندر سېۋىرۇس (Severus Alexander، 208 — 235) تەختتە ئولتۇرغاندىن كېيىن چاقىرتىپ كېلىنىپ، خان جەمەتى زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ ئەزاسى بولغان ھەم سوت ئورگىنىنى باشقۇرغان. پائولۇس ئۇلپىئان(Ulpian، ؟—228، پائولۇس بىلەن زامانداش) دىن قالسا، رىمنىڭ ئەڭ مەھسۇلاتلىق قانۇنشۇناسى بولۇپ، ئۇنىڭ «قانۇن-پەرمانلار تەپسىرى» (80 قىسىم) دېگەن ئەسىرىنىڭ كېيىنكى قانۇنشۇناسلارغا تەسىرى زور بولغان. ئېيتىلىشىچە، پائۇلۇس بىلەن ئۇلپىئاننىڭ يازغان ئەسەرلىرى ئىمپېراتور يۈستىنىئان(LustinianosⅠ، 483—565)يېتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن «دۆلەت قانۇنلىرى توپلىمى» دىكى «تەلىماتلار توپلىمى» قىسمىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئىگىلىگەن.

پاۋلوۋ

  • پاۋلوۋ[يەشمىسى:]Иван Петрович Павлов 1849 — 1936). روسىيىلىك فىزىئولوگ. ئىلگىرى-ئاخىر پېتربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئىي پەنلەر بۆلۈمىنىڭ فىزىكا-ماتېماتىكا پاكۇلتېتىنى ۋە تاشقى كېسەللەر تىببىي ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1883-يىلى تىببىي پەنلەر دوكتورى بولغان. 1890-يىلى ھەربىي تىببىي ئىنستىتۇتى (بۇرۇنقى نامى تاشقى كېسەللەر تىببىي ئىنستىتۇتى) نىڭفارما-كولوگىيە ئىلمى بويىچە پروفېسسور بولغان. 1895-يىلدىن باشلاپ، ھەربىي تىببىي ئىنستىتۇتىنىڭ فىزىئولوگىيە ئىلمى بويىچە پروفېسسور بولغان. 1907-يىلى روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلانغان. 1924-يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى پاۋلوۋ فىزىئولوگىيە ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ ئۈچ ساھەدە: يەنى يۈرەك فىزىئولوگىيىسى، ھەزىم قىلىش فىزىئولوگىيىسى ۋە ئالىي نېرۋا پائالىيىتى فىزىئولوگىيىسى تەتقىقاتى جەھەتلەردە ناھايىتى زور تۆھپە ياراتقان. خېلى بۇرۇنلا مۆتىدىل قانلىق ھايۋانلار يۈرىكىنىڭ ئالاھىدە ئوزۇقلۇق خاراكتېرىدىكى نېرۋىسىنىڭ بارلىقىنى، يۈرەك سوقۇشىنى كۈچەيتەلەيدىغانلىقى ۋە ئاجىزلىتالايدىغانلىقىنى كۆزەتكەن ۋە كېيىنكى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئوزۇقلىنىش رولى تەلىماتىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئاساس سالغان. ھەزىم قىلىش فىزىئولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ھەرىكىتى چوڭ مېڭە پوستىنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچرايدىغانلىقى ۋە شەرتلىك رېفلېكس شەكىللىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقۇمنى ئىسپاتلىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا روھىي كېسەللىكلەر تەتقىقاتىغا يۈزلەنگەن ھەمدە ئىككى سىگنال سىستېمىسى تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئالىي نېرۋا پائالىيىتى تەلىماتى تىببىي ساھە، پسىخولوگىيە ۋە پەلسەپە قاتارلىق جەھەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن. 1904-يىلى فىزىئولوگىيە ۋە تىببىي ئىلىم بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «ھەزىم قىلىش بېزىنىڭ رولى توغرىسىدا لېكسىيە»، «ھايۋاناتلار ئالىي نېرۋا پائالىيىتىنى (ھەرىكىتىنى) ئوبيېكتىپ تەتقىق قىلغان 20 يىللىق تەجرىبە» ۋە «چوڭ مېڭىنىڭ ئىككى يېرىم شارىنىڭ رولى توغرىسىدا لېكسىيە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

پاۋلېنكو

  • پاۋلېنكو[يەشمىسى:]Пēтр Андреевич Павленко ، 1899 — 1951). سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى. خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1920-يىلى قىزىل ئارمىيىگە قاتناشقان. شۇ يىلى روسىيە كومپارتىيىسى (بولشېۋىك) گە قاتناشقان. 1924 — 1927-يىللىرى تاشقى سودا خىزمىتىنى ئىشلىگەن ھەمدە ئەدەبىي ئىجادىيەتنى باشلىغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە «قىزىل يۇلتۇز گېزىتى» نىڭ جەڭ مەيدانى مۇخبىرى بولغان. ئۇنىڭ «بەخت» ناملىق رومانى،«يايلاقتىكى قۇياش»ۋە «قورۇلنى قوغداش»ناملىق پوۋېستلىرى بار. يەنە باشقىلار بىلەن بىرگە تۈزگەن«سىۋېردلوۋ»، «ئالېكساندر نېۋىسكى»، «قەسەم بېرىش»، «بېرلىننىڭ ئىشغال قىلىنىشى» ۋە «مۇزىكانت گېرىنكا» قاتارلىق كىنو سىنارىيىلىرى بار.

پاۋىلⅠ

  • پاۋىلⅠ[يەشمىسى:]ПавелⅠ، 1754— 1801) روسىيە چار پادىشاھى (1796—1801). يېكاتىرىنا Ⅱ نىڭ ئوغلى. كىچىك چېغىدىن تارتىپ پرۇسسىيىچە ھەربىي تەلىم ئالغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن ھەربىي ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن. پرۇسسىيىنىڭ ھەربىي قائىدە-تەرتىپلىرىنى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ كېلىپ، جازا كالتىكى بىلەن ئەسكەرلەرنى مەشق قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق، پايتەختنى ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنى ھەربىي لاگېرغا ئايلاندۇرغان. پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. خۇسۇسىي باسما زاۋۇتلارنى پېچەتلەپ، چەت ئەل كىتاب-ژۇرناللىرىنىڭ كىرىشىنى چەكلەش ئارقىلىق، ئىنقىلابىي ئىدىيىلەرنىڭ تارقىلىشىنى توسۇغان. پايتەخت مەركىزىدە كەڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، ئىستىھكام-قەلئەلەرنى ياسىتىپ، ئەسكەر تۇرغۇزغان. سىرتقا قارىتا 1789 — 1799-يىللاردا ئاۋسترو-ۋېنگرىيە، ئەنگلىيە، تۈركىيىلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، فرانسىيە ئىنقىلابىغا قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بارغان، كېيىن يەنە فرانسىيە بىلەن بىرلىشىپ ئەنگلىيىگە قارشى تۇرغان. 1801-يىلى كازاك ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى بۇخارا ئارقىلىق ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئەنگلىيە بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يامانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. روسىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ سودا مەنپەئىتىگە دەخلى يەتكۈزگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

پائېز

  • پائېز[يەشمىسى:]José Antonio Páez، 1790 — 1873) ۋېنسۇئېلا مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى، زۇڭتۇڭ (1831 — 1835، 1839 — 1843). 1810 — 1819-يىللىرى يايلاقتىكى چارۋىچىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوراللىق كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. 1821 — 1823-يىللىرى كارابوبو ئۇرۇشى بىلەن كابېللو (Cabello) پورتى ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن. كېيىن بۈيۈك كولومبىيىدىن ئايرىلىش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان.1831-يىلى ۋېنسۇئېلانىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان. لىبېرالىزملىق دىنىي ئېتىقاد ۋە مەمۇرىي ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرغان. مەملىكەت ئىچىدىكى بارلىق ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇپ، ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزگەن.1848— 1849-يىللىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1861-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، ھوقۇقنى قايتا ئىگىلىگەن. 1863-يىلى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان، ئامېرىكىدا ئۆلگەن.

پائىسىي

  • پائىسىي[يەشمىسى:] Хилендарский Паисий، 1722 — 1798) بۇلغارىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ نەزەرىيىچىسى. تارىخشۇناس. ماكېدونىيىدىكى بانىسكو(Банско)شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1745-يىلى ھىلېندار موناستىرىغا كىرگەن. مىللىي تارىخنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇزاق ۋاقىت تارىخىي ماتېرىيال توپلاپ، 1762-يىلى «سىلاۋيان بۇلغارىيە تارىخى-بۇلغارىيە خەلقى، چار پادىشاھ ۋە ساھابىلار توغرىسىدىكى تارىخ» ناملىق كىتابىنى يازغان. پۈتۈن كىتابتا ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن خەلقنى ئەزگۈچىلەرگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىپ، مىللىي ئازادلىق يولىنى تەشەببۇس قىلغان. مەتبەئە شەرت-شارائىتى چەكلىك بولغاچقا، ئەينى ۋاقىتتا قول يازمىسىلا تارقالغان.

پائىنلېۋې

  • پائىنلېۋې[يەشمىسى:]Paul Painleve، 1863 — 1933) فرانسىيە زۇڭلىسى (1917— 1925)، ماتېماتىك. پارىژ ئالىي سىفەنى ۋە پارىژ داشۆسىدە ئوقۇغان، كېيىن ماتېماتىكا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1887-يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ لىل داشۆسى، پارىژ داشۆسى ۋە ئۇنىۋېرسال تېخنىكا پەنلىرى مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1910-يىلى پارلامېنتقا كىرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جامائەت مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن خېرررىئوت بىلەن بىللە سول قاناتلار ئىتتىپاقىنى ئۇيۇشتۇرغان. 1924 — 1925-يىللىرى پارلامېنتنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. 1925 — 1929-يىللىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان ھەمدە ئىككى قېتىم ئاۋىئاتسىيە مىنىستىرى بولغان (1930 — 1931، 1932 — 1933). جۇڭگونىڭ شىنخەي ئىنقىلابىغا ھېسداشلىق قىلغان. 1926-يىلى جۇڭگونى زىيارەت قىلغان. بېيجىڭ داشۆ تەرىپىدىن ئىلىم-پەن دوكتورلۇق پەخرى نام بېرىلگەن.

پائىنىي

  • پائىنىي[يەشمىسى:]Thomas Paine، 1737 — 1809) ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سىياسىي ئوبزورچى. بۇرژۇئا دېموكراتچىسى ۋە مەرىپەتچى. ئەنگلىيە دىنداشلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كىچىكىدە دادىسى بىلەن بىللە سودا قىلغان، مۇنتىزىم تەربىيە كۆرمىگەن. 1774-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغان. فرانكلىننىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، فىلادېلفىيىدە چىقىدىغان «پېنىسلۋانىيە ژۇرنىلى» نىڭ تەھرىرى بولغان. 1776-يىلى «ساۋات» دېگەن كىتابچىنى چىقىرىپ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرنى دەرھال ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولۇشقا چاقىرغان، ئۇنىڭ تەسىرى ئىنتايىن زور بولغان. مۇستەقىللىك ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ھەربىي سەپكە كىرگەن. 1777-يىلى 4-ئايدا چوڭ قۇرۇقلۇق كېڭىشى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىن پېنىسلۋانىيە شتاتلىق پارلامېنتتا ئىشلىگەن. 1787-يىلى ئەنگلىيىگە بارغان، كېيىن فرانسىيىگە بېرىپ فرانسىيىنىڭ بۈيۈك ئىنقىلابىغا قاتناشقان، ئۆزىنى دۇنيا ئىنقىلابىنىڭ ئەلچىسى دەپ ئاتىۋالغان. 1792-يىلى فرانسىيە مىللىي ئۇيۇشمىسىغا سايلانغان، ئۇ سىياسىي جەھەتتە گىروندىچىلارغا مايىل بولغان. ياكوبىن دىكتاتۇرىسى مەزگىلىدە قامالغان. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن يەنىلا فرانسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان، 1802-يىلى ئامېرىكىغا قايتىپ بارغان، كېيىن پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ كۈرىشىگە ئارىلىشىپ قېلىپ، ھوقۇق تۇتقان ئىتتىپاقچىلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىنى نامراتلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن. «كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدا»، «ئەقلىي دەۋر» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

پەرەڭ

  • پەرەڭ[يەشمىسى:] جۇڭگو كىتابلىرىدا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى (شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى)نىڭ ئاتىلىشى. «كونا تاڭنامە. پەرەڭ تەزكىرىسى» دە: «پەرەڭ، يەنە بىر نامى داكچېن، ئۇ غەربىي دېڭىزنىڭ يۇقىرىسىدا، شەرقىي جەنۇبىي پېرسىيە بىلەن تۇتىشىدۇ. يېرى 10000 چاقىرىمدىن ئارتۇق. 400 شەھىرى بولۇپ، بىر-بىرى بىلەن تۇتىشىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن («كونا تاڭنامە» 198-جىلد). تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە يېزىلغان «خۇيچاۋنىڭ بەش ئەنەتكەككە بېرىش خاتىرىسى»دا: چوڭ ۋە كىچىك پەرەڭ بار: «كىچىك پەرەڭ دۆلىتى دېڭىزنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا ياندىشىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ نېرىسىدا چوڭ پەرەڭ دۆلىتى بار» دەپ خاتىرىلەنگەن («دۇنخۇاڭدا قېپقالغان كىتاب» بىرىنچى توپلام). ئۇنىڭدا كىچىك ئاسىيا كىچىك پەرەڭ، كونىستانتىنوپول ئەتراپى چوڭ پەرەڭ دېيىلگەندەك قىلىدۇ. يەنە «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى. پەرەڭ تەزكىرىسى» دە پەرەڭ سالجۇق تۈركلىرى ھۆكۈمرانلىقىدىكى كىچىك ئاسىيا ئەتراپىدىكى جايلارنى كۆرسىتىدۇ، دېيىلگەن.

پەرزەنت جۇمھۇرىيەتلەر

  • پەرزەنت جۇمھۇرىيەتلەر[يەشمىسى:]ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، فرانسىيىنىڭ ئىتالىيە قاتارلىق يېقىن ئەتراپتىكى رايونلاردا قۇرغان ھەرقايسى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. فرانسىيە ئىنقىلابى ۋە فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ تەسىرى بىلەن، يېقىن ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردە ئىنقىلابىي ھەرىكەت يۈكسىلىپ، كەينى-كەينىدىن جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە فرانسىيىگە بېقىنغانلىقتىن پەرزەنت جۇمھۇرىيەتلەر دەپ ئاتالغان. بۇنىڭغا باداۋېرىيە جۇمھۇرىيىتى (1795 — 1806)، ئۇ ھازىرقى گوللاندىيە زېمىنى ۋە بېلگىيە زېمىنىنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ لىگورىيە جۇمھۇرىيىتى (1797 — 1805) فرانسىيە چېگرىسى بىلەن لۇككا كىنەزلىكى ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز ياقىسى زوناسىغا جايلاشقان. جۇمھۇرىيەتنىڭ مەركىزى گېنۇيە شەھىرى؛ شىسارىپىن جۇمھۇرىيىتى (1797 — 1802)، ئۇچىسپادانا جۇمھۇرىيىتى بىلەن ترانسىپادانا جۇمھۇرىيىتى قوشۇلۇپ قۇرۇلغان. كېيىن ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن (1802 — 1805)، ئۇ ھازىرقى ئاپپىننىن يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، جۇمھۇرىيەتنىڭ مەركىزى مىلانو. خېرىۋشىيە جۇمھۇرىيىتى (1798 — 1803)، ھازىرقى شۋېتسىيىگە جايلاشقان؛ رىم جۇمھۇرىيىتى (1798 — 1799)، ئاپپىننىن يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان؛ پادىننوپا جۇمھۇرىيىتى (1799-يىلى 1-ئايدىن 6-ئايغىچە) نېئاپول رايونىغا جايلاشقان. پەرزەنت جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلغانلىقى فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى ۋە شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى زېمىنىنى قوغداپلا قالماستىن، بەلكى فرانسىيىنى كۆپ مىقداردىكى ئاشلىق ۋە ئەسكەر بىلەن تەمىنلىگەن. ناپولېئون پەرزەنت جۇمھۇرىيەتلەردىن كۆپلەپ ئەسكەر ئېلىپ،قاقتى-سوقتى ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىكىنى قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان. ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. پەرزەنت جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلغانلىقى شۇ رايونلارنىڭ فېئوداللىق مۇناسىۋىتىنى يوقىتىش ۋە بۇرژۇئا قانۇنچىلىقىنى تۇرغۇزۇشقا پايدىلىق بولغان.

پەرمان تۈزۈمى

  • پەرمان تۈزۈمى[يەشمىسى:] ياپونىيىدە تايكا يېڭىلىقىدىن كېيىنكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەرخىل تۈزۈملەر. مىلادى 646-يىلى (تايكىنىڭ 2-يىلى) يېڭىلىق يارلىقى ئېلان قىلىنغان؛ 652-يىلى (بەيجىنىڭ 3-يىلى) يەر بېرىش قانۇنى يولغا قويۇلغان. تېننو تېنجى (668 — 671-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) «جىنجياڭ پەرمانى»نى تۈزگەن، تېننو جىتو (690 — 697-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) «ئاسۇكا پەرمانى»نى يولغا قويغان، 701-يىلى (داباۋنىڭ تۇنجى يىلى) «داباۋ پەرمانى» تۈزۈلگەن، 718-يىلى (ياڭلاۋنىڭ 2-يىلى) ئۆزگەرتىلىپ «ياڭلاۋ پەرمانى» قىلىنغان، پەرمانلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، بىر يۈرۈش ھوقۇق مەركەزلەشكەن مەمۇرىي ئاپپاراتلار شەكىللەنگەن: تېننونىڭ قول ئاستىدا ئىككى زوراغالىق (خاندانلىق زوراغاسى، مەمۇرىي زوراغا)، سەككىز ۋازارەت (شىغاۋۇل، ھۆدەيچى، مەنسەپ، سېلىق-تۈتۈن، لەشكىرىي، جازا، ئاغچى ۋە ساراي ۋازارىتى)، بەش پاسىبان (دەرۋازىۋەن، ئوڭ قول، سول قول پاسىبان، ئوڭ قول، سول قول ياساۋۇل) بولغان. يەرلىكتە بەگلىك، ئىنانچىلىق، مەھەللە قاتارلىق مەمۇرىي تەشكىلاتلار بولۇپ، بەگلىكتە بەگ، ئىنانچىلىقتا ئىنانچى تەيىنلەنگەن. نوپۇس تىزىملىكى تۈزۈلگەن، 670-يىلى (تېننو تېنجىنىڭ 9-يىلى) «گىڭۋو تىزىملىكى» تۈزۈلۈپ، سالاھىيەتتە ئەزىز-پەس دەپ ئايرىلغان، ھەر 50 تۈتۈن بىر مەھەللە قىلىنغان. ئوزۇقلۇق ئېتىز، تۇرالغۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسى تىزىملانغان. يەر بېرىش تۈزۈمى ئاساسىدا، ئىجارىگە بېرىش، ياللاش، تەڭشەش ھەمدە ھەر خىل ئالۋان-ياساقلار بەلگىلەنگەن. تايكادىن كېيىن نوپۇسى كۆپىيىپ، يەر بېرىشتە قىيىنچىلىق يۈز بەرگەن. 723-يىلى (ياڭلاۋنىڭ 7-يىلى)، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن «ئۈچ ئەۋلاد پايدىلىنىش قانۇنى» تۈزۈپ چىقىلغان، 743-يىلى (تېننو ئاماخىرانىڭ 15-يىلى) «ئۆزلەشتۈرۈلگەن بوز يەر مەڭگۈ خۇسۇسىي مۈلۈك بولۇش قانۇنى» ئېلان قىلىنىپ، ئېچىلغان بوز يەرنىڭ خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىقىدا بولۇشقا رۇخسەت قىلىنغان. ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش تولىمۇ ئېغىر بولغاچقا، دېھقانلار قېچىپ كەتكەن. Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا بارغاندا، يەر بېرىش تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مۇمكىن بولمىغان. ياپونىيە تارىخچىلىرىنىڭ قارىشىچە، پەرمان-تۈزۈمنىڭ زەئىپلىشىشى، ئەمەلىيەتتە پەقەت يەرگە بولغان ئىگىدارچىلىقنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەنلا چەكلەنگەن. مەركىزىي ئورگانلاردا مەمۇرىيەتنىڭ ئۈستىدە نايىب، گۇەنبەي ۋە كېڭەش بولسىمۇ، لېكىن مەمۇرىي ئورگانلاردىكى ئۆزگىرىش چوڭ بولمىغان. جازا يەنىلا پەرمانغا ئاساسەن ئىجرا قىلىنغان. تاڭ سۇلالىسىگە تەقلىد قىلىنغان مەمۇرىي ئورگانلار تاكى يېقىنقى زاماندا غەربنىڭ قانۇن تۈزۈمىنى كىرگۈزگەنگە قەدەر قوللىنىلىپ كەلگەن. 

پەكسۇنگاڭ ئۇرۇشى

  • پەكسۇنگاڭ ئۇرۇشى[يەشمىسى:]پەكگاڭكۇ ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىللا بىلەن تاڭ سۇلالىسى بىرلىشىپ پېكچې بىلەن ياپونىيە بىرلەشمە قوشۇنىغا زەربە بەرگەن ئۇرۇش، چاۋشيەندىكى ئۈچ خانلىق دەۋرىدە كوگۇريو خانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى تىركىشىش ھالىتىدە تۇرغان. سىللا پېكچېنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن، تاڭ سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆزىنىڭ كۈچىنى مۇستەھكەملىمەكچى بولغان. پېكچې كوگۇريو خانلىقى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. 660-يىلى (سىللا ۋۇلېي خاننىڭ 7-يىلى، پېكچې يى سى خاننىڭ 20-يىلى، تاڭ سۇلالىسى شيەنچىڭنىڭ 5-يىلى) پېكچې سىللا — تاڭ سۇلالىسى بىرلەشمە قوشۇنى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. پېكچې خانلىقىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن فۇشىن قاتارلىق كىشىلەر پېكچې خانلىقىنى باشقىدىن تىكلەش ئۈچۈن جۇليۇ شەھىرى (بۈگۈنكى خانسان)نى قايتۇرۇۋالغان ھەمدە ياپونىيىگە گۆرۈگە ئېلىپ كېتىلگەن پېكچې خانلىقىنىڭ خانزادىسى فۇيۈفۇڭ (يىسى خانىنىڭ 2-ئوغلى)نى خان قىلىپ تىكلىمەكچى بولغان. 661-يىلى ياپونىيە تېننوسى سايىمېي ياردەم بەرمەكچى بولۇپ، شاھزادە ناكانو ئويېنى باشلاپ ياپونىيە قوشۇنى بىلەن بىللە كىيۇشۇغا بارغان. تېننو سايىمېي ئاغرىپ ئۆلگەندىن كېيىن شاھزادە ناكانو ئويې ئۆزىنى خاقان دەپ ئېلان قىلغان. 662-يىلى سۇ قوشۇنىنى پېكچې خانزادىسى فويۈفۇڭنى پېكچې خانلىقىغا قوغداپ ئاپىرىپ قويۇشقا بۇيرۇغان. 663-يىلى (سىللا ۋېنۋۇخاننىڭ 3 -يىلى، ياپونىيە شاھزادىسى ناكا نوئويې ئۆزىنى خاقان دەپ جاكارلىغان 2-يىلى، تاڭ سۇلالىسى لۇڭشۇنىڭ 3-يىلى) يەنە 27 مىڭ كىشىلىك سۇ قوشۇنىنى ياردەمگە ئەۋەتكەن. لېكىن پېكچې خانلىقىدا ئىچكى نىزا يۈز بېرىپ فۇشىن ئۆلتۈرۈلگەن. سىللاخانلىقىنىڭ ۋېنۋۇخانى چېن يۈشىن بىلەن تاڭ سۇلالىسى سەركەردىلىرى سۈن رېنشى، ليۇرېنيۇەن قاتارلىق كىشىلەرنى پېكچې خانلىقىغا بىرلىشىپ زەربە بېرىشكە ئەۋەتكەن. ليۇ رېنخۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ سۇ قوشۇنىنى باشلاپ، 8-ئاينىڭ 27 — 28-كۈنلىرى كۇم-گاڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى پەكسۇنگاڭ ئېغىزىدا (بۈگۈنكى كۇنسان شەھىرىنىڭ يېنىدا)ياپونىيىنىڭ سۇ قوشۇنى بىلەن قاتتىق ئېلىشىپ، ياپونىيىنىڭ 400 دىن ئارتۇق كېمىسىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. بۇ ئۇرۇشتا ياپونىيە قوشۇنى يېڭىلگەن. پېكچې خانلىقىنى تىرىلدۈرۈشنىڭ تايانچ بازىسى بولغان جۇليۇ شەھىرىمۇ ئىشغال قىلىنغان. فۇيۈفۇڭ ئۆزى يالغۇز كوگۇريوغا قېچىپ كەتكەن. زور تۈركۈمدىكى پېكچېلىكلەر ياپونىيىگە قېچىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ خانلىقنىڭ تىركىشىش ھالىتىگە خاتىمە بېرىلىپ، كوگۇريو خانلىقى بىلەن سىللا خانلىقىنىڭ تىركىشىش ھالىتى شەكىللەنگەن.

پەگاچىلار

  • پەگاچىلار[يەشمىسى:]ساسلىقچىلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى خەلق ئۇيۇشمىسى ئىچىدىكى ئوتتۇرا ئېقىم گۇرۇھى، ئۇلار يىغىن مەيدانىنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى تەرىپىدىن ئورۇن ئالغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. پارلامېنتتا ئۇلارنىڭ ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئىنقىلابنى ھىمايە قىلىپ، جۇمھۇرىيەتنى قۇۋۋەتلەپ، ئەركىن ئىگىلىكنى تەشەببۇس قىلغان. لېكىن مۇقىم سىياسىي تەشەببۇسى يوق. گروندىچىلار بىلەن «تاغلىقلار» ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە ئۆزلىرىنى ئارىلاشماسلىق پوزىتسىيىسىنى تۇتقۇچىلار دەپ ئاتاشقان، ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكنى ئۆلچەم قىلغان. دەسلەپتە گروندىچىلارنى قوللىغان. گروندىچىلار ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، يەنە تاغلىقلارنى قوللىغان. ھەتتا ياكوبىن دىكتاتۇرىسىنىڭ تېررورلۇق سىياسىتىگىمۇ تاقەت قىلىپ تۇرغان. 1794-يىلى 7-ئايدا يەنە روبېسپېررېغا قارشى ئۇنسۇرلار بىلەن بىرلىشىپ، خەلق ئۇيۇشمىسىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ياكوبىن دىكتاتۇرىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، «تۇمۇز ئاي پارتىيىسى»نىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ قالغان.

پەلەستىن (قەدىمكى زامان)

  • پەلەستىن (قەدىمكى زامان)[يەشمىسى:]Pаlestine) ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىرغىقىدىكى رايون. تەخمىنەن ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىن تارتىپ تېبىرىئاس كۆلى، ئىئوردان دەرياسى ۋە ئۆلۈك دېڭىزغىچە بولغان جايغا توغرا كېلىدۇ. ئارخېئولوگلار ئۆلۈك دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى ژېرىكودا (Jercho) مىلادىدىن 7000 يىل ئىلگىرىكى يېڭى تاش قورال مەدەنىيىتىنى بايقىغان. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا كەنئانلار بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ، برونزا قورال مەدەنىيىتىنى ياراتقان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ساملارنىڭ باشقا بىر تارمىقى بولغان كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە يېۋرىيلار كېلىپ، كەنئانلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇشقان ھەمدە پەيدىنپەي بىرلىشىپ كەتكەن، مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىگە كەلگەندە «دېڭىز ئۈستىدىكى مىللەت» پىلىستىنېلەر (Philistine) دېڭىز بويىدىكى رايونلارنى بېسىۋالغان، يۇنانلىقلار بۇلارنى «پەلەستىن» دەپ ئاتىغان، مەنىسى «پەلەستىنلىكلەرنىڭ يېرى» دېگەنلىك بولىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى داۋىد باشلامچىلىق قىلىپ پىلىستىنېلەرگە زەربە بېرىپ، شىمال تەرەپنى قوشۇۋېلىپ، بىرلىككە كەلگەن ئىسرائىلىيە-يەھۇدىي خانلىقىنى قۇرۇپ، ئېروسالىمنى پايتەخت قىلغان. ئۇنىڭ ئوغلى سولومون كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، ئوردا ۋە ئىلاھىي ئىبادەتخانا سالدۇرغان. مىلادىدىن 935 يىل ئىلگىرىكى يىللارغا كەلگەندە، خانلىق پارچىلىنىپ، شىمالىي قىسمى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقى، جەنۇبىي تەرىپى يەھۇدىي پادىشاھلىقى بولغان. مىلادىدىن 722 يىل ئىلگىرى، ئىسرائىلىيە ئاسسۇرىيە تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنىپ، كۆپلىگەن ئاھالىسى باشقا شەھەرلەرگە كۆچۈرۈۋېتىلگەن. مىلادىدىن 586 يىل ئىلگىرى يېڭى بابىلون يەھۇدىي خانلىقىنى يوقىتىپ، نەچچە ئون مىڭ ئاھالىنى بۇلاپ بابىلونغا ئېپكەتكەن، بۇ تارىختا «بابىلون تۇتقۇنلىرى» دېيىلىدۇ. مىلادىدىن 538 يىل ئىلگىرى، پېرسىيە خانى كۇرۇش (Kurush) بابىلوننى بېسىۋېلىپ، يەھۇدىي «تۇتقۇنلىرى» نى قويۇۋەتكەن. يەھۇدىيلار ئېرۇسالىمغا قايتقاندىن كېيىن، ئىلاھىي ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى قۇرۇپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسىگە بويسۇنغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن باشلاپ، يەنە ئارقا-ئارقىدىن مۇنقەرز بولۇپ ماكېدونىيە، تولىمى، سېلېئۇكوس قاتارلىق خانلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان. مىلادىدىن 63 يىل ئىلگىرى، رىم زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. مىلادى 66-، 70-يىللىرى ۋە 131-، 135-يىللىرى، يەھۇدىي خەلقى قايتىدىن رىمغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ (يەھۇدىي ئۇرۇشى) باستۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدىيلار شىمالىي ئافرىقا، كىچىك ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان، كېيىن يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كەتكەن. مىلادى Ⅶ ئەسىردە، پەلەستىن ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان. 

پەلەستىنلەر

  • پەلەستىنلەر[يەشمىسى:]Philistines) ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى قەدىمكى ئاھالە. ئەڭ ئاۋۋال مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅢ ئەسىردىكى مىسىرنىڭ ھۈججەتلىرىدە كۆرۈلۈپ، «دېڭىزدىكى مىللەت» دەپ ئاتالغان. ئۇلار بەلكىم كرىت ئارىلى ياكى كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىن دېڭىز ئارقىلىق كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅻ — ⅩⅢ ئەسىرلەردە پەلەستىننىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلىرىغا بېسىپ كىرىپ، گازا (Gaza)، ئاشدود (Ashdod)قاتارلىق كىچىك شەھەرلەرنى قۇرغان؛ گرېكچە «پەلەستىن» دېگەن سۆز «پەلەستىنلەرنىڭ يېرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىردىن كېيىن پەلەستىنلەر ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىي قەبىلىلىرى بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارغا قاتتىق زەربە بەرگەن. ئىسرائىلىيە پادىشاھى سائۇل (Saul) مەغلۇپ بولۇپ ئۆلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ ئەسىرنىڭ بېشىدا، يەھۇدىي پادىشاھى داۋىد پەلەستىنلەرنى ئاخىر مەغلۇپ قىلغان. 

پەنپەن دۆلىتى

  • پەنپەن دۆلىتى[يەشمىسى:]مالايا يېرىم ئارىلىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ئورنى ھازىرقى تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى ۋەنلۇن قولتۇقىدا بولۇپ، ھىندى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، ھىندى يېزىقىنى قوللانغان. مىلادى Ⅴ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە مەۋجۇت بولۇپ، جۇڭگوغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. 

پەن پېيچۇ

  • پەن پېيچۇ[يەشمىسى:]1867 — 1940) ۋيېتنام مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. ئەسلى ئىسمى پەن ۋېنسەن، تەخەللۇسى ساۋنەن، يەنە بىر تەخەللۇسى سى خەن، يىئەن ئۆلكىسىنىڭ نەنتەن ناھىيىسىدىن، يېزا ئوقۇتقۇچىسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كىچىكىدىن تارتىپلا فېئوداللىق تەربىيە ئالغان، خەنزۇچە يېزىققا ئۇستا. ياش ۋاقتىدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئاتلانغان. 1904-يىلى يېڭىلىققا كۆچۈش ئۇيۇشمىسى قۇرغان، شەرققە بېرىش ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلغان. ئىككىنچى يىلى ياپونىيىگە بېرىپ، سۈن جۇڭشەن، لياڭ چىچاۋ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئالاقە باغلىغان. 1912-يىلى جۇڭگونىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە ۋيېتنامنى ئازاد قىلىش جەمئىيىتى قۇرۇپ، زۇڭلى بولغان. ئۇ قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، ۋيېتنامنى ئازاد قىلىپ، ۋيېتنام جۇمھۇرىيەت خەلق دۆلىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1924-يىلى ۋيېتنام گومىنداڭى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان. ئىككىنچى يىلى شاڭخەيدە قولغا ئېلىنىپ، ئۆز ۋەتىنىگە قايتۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن شۈنخۇادىكى يۈيجىندە نەزەربەنت قىلىنىپ «يۈيجىن ئاق ساقىلى»دەپ ئاتالغان. «ۋيېتنامنىڭ مۇنقەرزلىك تارىخى» (ئاغزاكى ئېيتىپ بەرگەن. لياڭ چىچاۋ خاتىرىلىگەن)، «تۈرمە خاتىرىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

پەن تىڭفېڭ

  • پەن تىڭفېڭ[يەشمىسى:]1847 — 1896) ۋيېتنامنىڭ پادىشاھقا خىزمەت قىلىش ھەرىكىتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. ئوردا ئەمەلدارى بولغان. پادىشاھقا خىزمەت قىلىش ھەرىكىتىدە كۆلىمى ئەڭ زور بولغان، ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق داۋام قىلغان شياڭشى (خېجىڭ ئۆلكىسىگە جايلاشقان) قوزغىلىڭى (1885 — 1896) غا رەھبەرلىك قىلغان، خېجىڭ، يىئەن، چىڭخۇا، گۇاڭپىڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردە فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە زەربە بەرگەن. 1896-يىلى 1-ئايدا ئارمىيىدە كېسەل بولۇپ ئۆلگەن. قوزغىلاڭ ئۇزۇن ئۆتمەي باستۇرۇلغان. 

پەن جۇجېن

  • پەن جۇجېن[يەشمىسى:]تەخمىنەن 1871 — 1926) ۋيېتناملىق ۋەتەنپەرۋەر زات، تەخەللۇسى شىخۇ، شىما. گۇاڭنەن ئۆلكىسىنىڭ شيەنفۇ ناھىيىسىدىن، ھەربىي ئەمەلدار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، خەلق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىسلاھات يولىدا مېڭىشنى تەشەببۇس قىلغان، فرانسىيىگە قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشكە قارشى تۇرغان. 1907-يىلى توكيو خۇسۇسىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، جۇڭچى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. ئىككىنچى يىلى جۇڭچى باج تاپشۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى باستۇرۇلۇپ، فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، كونلۇن ئارىلىغا سولاپ قويۇلغان. 1911-يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن فرانسىيىگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1925-يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن داۋاملىق ماقالە يېزىپ لېكسىيە سۆزلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىتتىپاقلىقنى، دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشنى تەرغىپ قىلغان، دېموكراتىك ئىدىيىنى تارقاتقان.

پەنجىكەنت قەلئەسى

  • پەنجىكەنت قەلئەسى[يەشمىسى:]قەدىمكى كانجۇتلىقلار قەلئەسىنىڭ خارابىسى. پەنجىكەنت شەھىرىنىڭ Пeнджикент ياكى Пянджикент سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سەمەرقەند شەھىرىنىڭ بىر يېرىم كىلومېتر شەرقىي جەنۇب تەرىپىدە. 1950-يىلدىن باشلاپ قېزىلغان. قەلئە، بۇتخانا، ئولتۇراق ئۆي-جاي، قەبرىستانلىق تېپىلغان. بۇتخانىنىڭ ئىچىدە نەپىس ئىشلەنگەن لاي ھەيكەل، ئولتۇراق جايلارنىڭ تاملىرىدا رەڭگارەڭ تام سۈرەتلىرى بار. «پادىشاھنىڭ ۋەزىرلىرىنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلىشى»، «دېھقاننىڭ ئېلىشىشى»، «ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن پىيادە ئەسكەرلەرنىڭ جەڭ قىلىشى»، «ئايال ئارفىست»، «سىياۋۇشقا تەزىيە» قاتارلىق سۇژىتلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سىياۋۇش توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر ئەڭ كۆپ. رەسىملەرنىڭ ئىپادىلىنىشى جانلىق، بەدىئىيلىكى يۇقىرى، قەبرىلەر ئوغرىلانغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ھەرخىل ئەسۋاب، تەڭگە پۇل، ئۈزۈك، بىلەزۈك قاتارلىق نەرسىلەر قېزىۋېلىنغان. بۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى قەلئەنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى، قۇرۇلۇشلار، قۇرۇلمىنىڭ سەنئىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پەھلىۋى

  • پەھلىۋى[يەشمىسى:]1) يەنى رىزا شاھ. (2) مۇھەممەت رىزا پەھلىۋى(Muhаmmаd Riza Pahlavi،1919—1980). ئىران پادىشاھى (1941 — 1979). رىزا شاھنىڭ ئوغلى. ياش ۋاقتىدا شۋېتسارىيىدە ئوقۇغان. 1936 — 1938-يىللىرى تېھران ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئارمىيىدە تەپتىش باشلىقى بولغان. 1941-يىلى ئاتىسى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغاندىن كېيىن تەختكە ۋارىسلىق قىلغان (1967يىلى ئۆكتەبردە تاج كىيگەن). 1953-يىلى باش ۋەزىر موسسادېگ (Muhаmmаd Mossadegh) نى ئاغدۇرۇش سىياسىي ئۆزگىرىشىگە ئىشتىراك قىلغان. بىر مەھەل ئىتالىيىدە سەرسان بولۇپ يۈرگەن. سىياسىي ئۆزگىرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتقان. تەختتىكى مەزگىلدە، پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ، «بۈيۈك پارس ئىمپېرىيىسى»نى يېڭىباشتىن جانلاندۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 60-يىللاردىن باشلاپ مەملىكەت ئىچىدە «ئاق ئىنقىلاب»نى يولغا قويۇپ، «يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىسلاھات ئارقىلىق، تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەلۇم پايدىسىز ئىنقىلابنى چەكلەش»نى تەشەببۇس قىلغان. مەلۇم مۆتىدىل ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپلەپ چەت ئەل مەبلىغى كىرگۈزۈپ، دىنىي كۈچلەرنى باستۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1979-يىلى يانۋاردا چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇر بولغان، 1980-يىلى 7-ئايدا، مىسىردا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۆلگەن. ئۇنىڭ «مېنىڭ ۋەتەنگە بولغان مەجبۇرىيىتىم»، «ئاق ئىنقىلاب» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

پەھلىۋى سۇلالىسى

  • پەھلىۋى سۇلالىسى[يەشمىسى:]ئىران سۇلالىسى (1925 — 1979). 1925-يىلى رىزا شاھ قاجار خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن قۇرۇلغان. 1941-يىلى 9-ئايدا ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەت رىزا پەھلىۋى ۋارىسلىق قىلغان. 1979-يىلى 1-ئايدا مەملىكەت ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك سىياسىي داۋالغۇش يۈز بېرىپ، رىزا پەھلىۋى چەت ئەلگە سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتكەن، خاندانلىق ئاغدۇرۇلغان.

پەيلوس

  • پەيلوس[يەشمىسى:]Pylos ياكى Pylus) پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى (جەنۇبىي گرېتسىيە) دىكى قەدىمكى شەھەر. مېسسېنىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى كورۇفاسيۇم(Coryphasium) دېڭىزىنىڭ بۇرجىكىگە جايلاشقان. جەنۇب تەرىپى سىفاكېتىلىيە ئارىلىغا تۇتاشقان بولۇپ، مۇھىم ئورۇنغا جايلاشقان. گومىر «ئېلىئادا» داستانىدا پالۋان نېستور(Nestor)نى پەيلوس پادىشاھى دەپ تەرىپلىگەن. ئىككىنچى قېتىملىق مېسسېنىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا) بۇ يەردىكى ئاھالە سپارتا قۇلدارلىرىنىڭ باستۇرۇشىغا باتۇرانە قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، مەغلۇپ بولۇپ، باشقا جايلارغا قېچىپ كەتكەن. كېيىن پەيلوس شەھىرى خارابىلىققا ئايلىنىپ قالغان. ھازىرقى زامان ئارخېئولوگلىرى خارابەئورنىنى قېزىپ، 1939-يىلدىن باشلاپ بۇ يەردىن زور تۈركۈمدىكى يىپسىمان يېزىقىنىڭ (1952-يىلى ۋېنتېرىس يېشىپ ئوقۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان) سېغىز بەت (تەخمىنەن 1200 دىن ئوشۇق) نۇسخىسىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن باشقا مېكناي دەۋرىگە تەۋە مەدەنىي يادىكارلىقلار (ئىگىي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى) نى تاپقان؛ سېغىز بەتتىكى سانلىق يازمىلاردا ئىپادىلىنىشىچە، مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بۇ يەردە قۇللۇق تۈزۈم دەۋر سۈرگەن. 

پەيرو

  • پەيرو[يەشمىسى:]Roberto Jose Payro، 1867 — 1928) ئارگېنتىنا يازغۇچىسى. 1896-يىلى سوتسىيالىزم تەتقىقات مەركىزىنىڭ سېكرىتارى بولغان. ئارگېنتىنانىڭ ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتىگە كۈچ چىقارغان. «مىللەتلەر گېزىتى»نىڭ مۇھەررىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياۋروپادا تۇرۇشلۇق مۇخبىر بولغان. 1908-يىلى بارسېلونادا ژۇرنال نەشىر قىلىپ، ئارگېنتىنا ئەدەبىياتىنى تارقاتقان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «لائۇچانىڭ تويى»، «پاگوچىكو»، «خۇئەن مولېرانىڭ نەۋرىسىنىڭ كەچۈرمىشى»قاتارلىق ھېكايىلىرى، «تراگېدىيە»، «خارەبە ئۈستىدە» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى ۋە «ساختىپەز ئىنكالىقلار»، «كاپىتان ۋېركارا» قاتارلىق تارىخىي ھېكايىلىرى بار.

پتولېمېي پادىشاھلىقى

  • پتولېمېي پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]پتولېمېي مىسىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يۇنانلاشتۇرۇش دەۋرىدىكى مىسىر دۆلىتى. مىلادىدىن 305 يىل ئىلگىرى ئالېكساندر (ئىمپېراتور)نىڭ لەشكەر باشلىقى پتولېمېي Ⅰ قۇرغان. ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن پادىشاھلىق تۈزۈمىنى يولغا قويغان، ئەڭ ئالىي ھوقۇقنى ماكېدونىيە ۋە يۇنانلىقلار ئۆز قولىدا تۇتقان، مىسىرنىڭ راھىب ۋە پۇقرالاردىن بولغان بەزى ئاقسۆڭەكلىرىمۇ ئەمەلدارلىققا تەيىنلەنگەن. يۇنانلىقلارنىڭ مۇستەملىكە شەھەرلىرى ۋە باشقا شەھەرلەر مەلۇم ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە پتولېمېي Ⅱ ۋە پتولېمېي Ⅲ تەختتىكى مەزگىلىدە دۆلەت قۇدرەت تېپىپ، ئۇنىڭ زېمىنى مىسىردىن باشقا، پەلەستىن، جەنۇبىي سۈرىيە، كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇب قىرغىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سىپرۇس قاتارلىق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، سېلېئۇكوس ۋە ماكېدونىيە بەگلىكلىرى بىلەن ئۇزاققىچە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرق قىسمىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تالاشقان. پايتەختى ئالېكساندرىيە يۇنانلاشتۇرۇلغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ، شەھەر سىرتى (ئوتتۇرا دېڭىز) پارس ئارىلىدىكى ماياك مۇنارى قەدىمكى دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، شەھەر ئىچىدىكى مەشھۇر ئالېكساندرىيە كۇتۇپخانىسى شۇ چاغدىكى خەلقئارالىق بىلىم يۇرتى بولۇپ، ئۇنىڭدا 500 مىڭ تۈرۈك (پاپىرۇس قەغەز تۈرۈكى)دىن كۆپرەك كىتاب ساقلانغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە سىرت بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردىن Ⅰ ئەسىرگىچە ئىچكى قىسىمدا كۆپ قېتىم خەلق قوزغىلاڭلىرى يۈز بېرىپ، دۆلەت زەئىپلىشىپ كەتكەن. ھۆكۈمران سىنىپ گۇرۇھلىرىنىڭ ئىچكى نىزالىرى توختىماي، مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرى ئايال پادىشاھ كلېئوپاترا Ⅶ دەۋرىدە مۇنقەرز بولغان.

پتولېمى

  • پتولېمى[يەشمىسى:]1)پتولېمىⅠ(Ptolemaios ياكى PtolemaeusⅠ، ياكى PtolemyⅠ، Soter، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 367 — 283( قەدىمكى مىسىر پتولېمى سۇلالىسى (مىلادىدىن ئىلگىرى 323 — 30)نى قۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 323 — 285). ماكېدونىيىلىك لاگوس (Lagos) نىڭ ئوغلى. ياش ئالېكساندر (بۈيۈك ئىمپېراتور)بىلەن دوست بولۇشقان. ئالېكساندر بىلەن شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ئۇنىڭ كۈچلۈك ياردەمچىسى بولغان. مىلادىدىن 323 يىل ئىلگىرى ئالېكساندر ئۆلگەندىن كېيىن مىسىر رايونىنى ئىگىلەپ، ئەمەلىي ھۆكۈمرانغا ئايلانغان (مىلادىدىن 305 يىل ئىلگىرى رەسمىي پادىشاھ دەپ ئاتالغان). كېيىن ئالېكساندرنىڭ باشقا سەركەردىلىرى بىلەن ۋارىسلىق ھوقۇقى تالىشىپ، كاساندېر، ليسىماكو، سېلېئوكو Ⅰ بىلەن بىرلىشىپ، ئانتىگونۇ Ⅰ گە قارشى تۇرغان. مىلادىدىن 301 يىل ئىلگىرى ئېپسۇس ئۇرۇشىدا ئانتىگونۇ Ⅰ مەغلۇپ بولۇپ، «يۇنانلاشتۇرۇلغان»ئۈچ چوڭ دۆلەت (مىسىر، سېلېئۇكو، ماكېدونىيە)نىڭ داڭقان پۇتى ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن؛ پتولېمى مىسىرغا ئىگە بولغان. تەختتىكى مەزگىلدە، ئالېكساندرىيىنى مەركەز قىلىپ، سودا-سانائەتنى راۋاجلاندۇرغان، ئالىم ۋە ئەدىبلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ، پەن-مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ئىلھام بەرگەن. مىسىرنىڭ يۇنانلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مىلادىدىن 285 يىل ئىلگىرى، تەختنى كەنجى ئوغلى پتولېمى فىلادېلف (Ptolemaius Philadelphus، مىلادىدىن285— 247 يىل ئىلگىرى تەختتە ئولتۇرغان)قا ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئۇ، پتولېمى Ⅱ دەپ ئاتالغان. ئەسەرلىرىدىن «ئىمپېراتور ئالېكساندرنىڭ تەرجىمىھالى»(شەرققە يۈرۈش ئۇرۇشى تارىخى)بولۇپ، بۇ ئەسەردىن كېيىنكى يازغۇچىلار، بولۇپمۇ ئارىئان نەقىل ئالغان. (2) پتولېمى كلائۇدىئۇس (Ptolemaios Klaudios ياكى Ptolamaeus Claudius، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىر). قەدىمكى يۇنان ئاسترونومى، جۇغراپىيەشۇناسى، ماتېماتىكى. مىسىردا تۇغۇلغان، ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ئىزلىرىنى تەكشۈرۈشكە ئامال يوق. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىلادى 139-(يەنە بىر ئېيتىلىشتا 130-) يىلى ئالېكساندرىيىدە ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزەتكەنىكەن. ئالېكساندرىيىدىكى ھەرقايسى ئېقىملار يىغقان ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى سىستېمىلاشتۇرۇپ، «پتولېمى سىستېمىسى»نى تاماملىغان. «ئاسترونومىيىدىن ئومۇمىي بايان» (ئەرەبلەر «ئۇلۇغ نەزەرىيە» دەپ تەرجىمە قىلغان) دېگەن ئاساسلىق ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئەسەردە ئۇنىڭ «يەر مەركەز تەلىماتى» سىستېمىسى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەر شارى ئالەمنىڭ مەركىزىدە تۇرۇپ، ھەرىكەت قىلمايدۇ، قۇياش، ئاي، سەييارە ۋە تۇرغۇن يۇلتۇز ئېللىپس يولىدا يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. بۇ تەلىمات ۋە يۇقىرىدىكى ئەسەر ئوتتۇرا قەدىمكى زاماندا ئاسترونومىيىدە نوپۇزلۇق تەلىمات ۋە ئەسەر دەپ قارالغان ھەمدە كاتولىك دىنىي جەمئىيەتلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان. ⅩⅧ ئەسىردە كوپېرنىكنىڭ «قۇياش مەركەز تەلىماتى» سىستېمىسى («ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى توغرىسىدا»)دۇنياغا كەلگەندىلا، «پتولېمى سىستېمىسى» ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. سەككىز توملۇق «جۇغراپىيە قوللانمىسى» دېگەن ئەسىرىدە ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق مېرىدىئان ۋە پاراللېل گرادۇسلىرىنى ئۆلچەپ بېكىتىشكە تىرىشىپ، شۇ چاغدىكى ماتېماتىكىلىق جۇغراپىيە بىلىملىرىنى يەكۈنلەشتە بەلگىلىك تۆھپە قوشقان. ئەرەبلەردە «ئانالىنما»دا جۈملىدىن قۇياش سائىتىنىڭ تۈزۈلۈشى توغرىسىدىكى سخېمىلىق چۈشەندۈرۈشمۇ بار. يەنە «پادىشاھلار جەدۋىلى»دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇنىڭدا ئاسسۇرىيە، پېرسىيە، يۇنان، رىم پادىشاھلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان يىل چېكى خاتىرىلەنگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە ئوپتىكا ۋە ئاھاڭغا ئالاقىدار بولغان ئەسەرلىرىمۇ بار.

پراساد

  • پراساد[يەشمىسى:]Rajendra Prasad، 1884 — 1963). ھىندىستان زۇڭتۇڭى (1950— 1962). كالكوتتا پرىشدىنشى ئىنىستىتۇتىدا قانۇن ئۆگەنگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن باتېنا ئالىي سوتىنىڭ ئادۋوكاتى بولغان. 1917-يىلى گەندى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق مۇددەت ھەمكارلاشقان. 1920-يىلى گەندى رەھبەرلىك قىلغان ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1922-يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1934-، 1939-ۋە 1947-يىللىرى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان ھەمدە خەلق كونگرېسى پارتىيىسى خىزمەت كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىنى كۆپ يىل ئۆتىگەن. ھىندىستان 1947-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى بولغان. ھىندىستان ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنىڭ «ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» نى تۈزۈپ چىقىشىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. 1950-يىلى ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان، 1952-يىلى ۋە 1957-يىلى ئىككى قېتىم ئۇدا سايلانغان. 1962-يىلى پېنسىيىگە چىققان.

پراكستېلېس

  • پراكستېلېس[يەشمىسى:]Praxiteles، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردە) قەدىمكى يۇنان ھەيكەلتىراشى. ئافىنالىق. ھەيكەلتىراش سېفسوروتۇس (Cephisodotus)نىڭ ئوغلى. تەخمىنەن مىلادىدىن 390 يىل ئىلگىرى تۇغۇلغان، سكوپاس بىلەن زامانداش، ئەمما ئۇنىڭدىن ياش، ئۇلار يۇناننىڭ كېيىنكى مەزگىلى (پلوپوننېس ئۇرۇشىدىن كېيىن)دىكى ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ گۈزەللىك مەبۇدىسى ئافرودىتنىڭ ھەيكىلىنى ياساش ئارقىلىق نام-ئابروي قازانغان. بۇرۇن ئۆتكەن چوڭ ھەيكەلتىراشلار (مەسىلەن: فىدىياس)غا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇ خۇدالار ھەيكىلىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئالىيجاناب ۋە ھەيۋەتلىك بولۇشى (مەسىلەن: ئافىنانىڭ ھەيكىلىگە ئوخشاش)نى تەكىتلىمەي، بەلكى ئادەم گەۋدىسىنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ كىندۇس (Cnidus، كىچىك ئاسىيادىكى كالىيانىڭ جەنۇبىدا) ئۈچۈن ئىشلىگەن «گۈزەللىك مەبۇدىسى» ماختاشقا ئەڭ كۆپ سازاۋەر بولغان. يەنە ئاپوللون، ساتۇر(Satyr) قاتارلىق خۇدالارنىڭ ھەيكەللىرىدىمۇ ئەرلەر گەۋدىسىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەپ بەرگەن، كېيىنكىسى رىم دەۋرىدە تەقلىد قىلىپ ياسالغان. ھازىر ئۇنىڭ ئەسلى ئەسەرلىرىدىن پەقەت بىرسى، يەنى 1877-يىلى گېرمانىيە ئارخېئولوگلىرى تاپقان «تەڭرى ھېرمېس ھەيكىلى» ساقلىنىۋاتىدۇ. سودا-ساياھەت تەڭرىسى ھېرمېس سول قولىدا بوۋاق دىئونىسوس (ھاراق ئىلاھى)نى كۆتۈرگەن، ئوڭ قولىنىڭ يېرىمى يوق (مۆلچەرلىنىشىچە، ئوڭ قولىدا بىر ساپ ئۈزۈمنى كۆتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن). بۇ قەدىمكى زاماندىن ساقلىنىپ قالغان ئاز ئۇچرايدىغان ئەسلى ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، گرېتسىيىدىكى ئولىمپىيە مۇزېيىدا ساقلانماقتا.

پراگا تۆت ماددىسى

  • پراگا تۆت ماددىسى[يەشمىسى:] چېخوسلوۋاكىيىدىكى خۇس ھەرىكىتى مەزگىلىدە خۇسچىلارنىڭ 1420-يىل 6-ئايدا ماقۇللىغان كۈرەش پروگراممىسى. پروگراممىنىڭ تىغ ئۇچى كاتولىك چېركاۋىغا قارىتىلغان بولۇپ، جەمئىي تۆت ماددىدىن ئىبارەت: دىن تارقىتىشتا تىل چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، ئۇنى ئەركىن تارقىتىش؛ مىسسا ۋاقتىدا دىندارلار مۇراسىم باشقۇرغۇچى پوپلارغا ئوخشاشلا مۇقەددەس تەن (پوشكال)ۋە مۇقەددەس قان (ھاراق)غا ئېغىز تېگىش (كاتولىك دىنىدا دىندارلار پەقەت مۇقەددەس تەنگىلا ئېغىز تېگەلەيدۇ، پوپلارلا ھەم مۇقەددەس تەن، ھەم مۇقەددەس قانغا ئىگە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن)؛ چېركاۋنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش؛ مەيلى دىندارلار ياكى مىسسىئونېر بولسۇن، ئادەم ئۆلتۈرۈش، شەھۋانىيلىق قاتارلىق ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسىلا بىردەك جازاغا تارتىلىش. پراگا تۆت ماددىسىنى خۇسچىلىق ھەرىكىتىدىكى ئىككى گۇرۇھ، يەنى مۇقەددەس جامچىلار بىلەن تابورچىلار ئورتاق قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ بۇنىڭغا بولغان چۈشەنچىسى ئوخشاش بولمىغان. 

پراگا سۈلھ شەرتنامىسى

  • پراگا سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن سۈلھ شەرتنامە. 1866-يىل 8-ئاينىڭ 23-كۈنى پراگادا ئىمزالانغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، ئاۋسترىيە گېرمانىيە ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىققان؛ پرۇسسىيە شىلېزۋىگھولشېتيىن، ھاننوۋېر، ھېسسېن كىنەزلىكى، ئاسساۋ ۋە فرانكفۇرت ئەركىن شەھىرى قاتارلىق سۇيۇرغاللارغا ئىگە بولغان ھەمدە مايىن دەرياسىنىڭ شىمالىدا گېرمانىيە ئىتتىپاقى قۇرۇش ھوقۇقىغىمۇ ئىگە بولغان. ئاۋسترىيە ۋېنىتسىيىنى ئىتالىيىگە قايتۇرۇپ بەرگەن. كېيىنكى يىلى پرۇسسىيە باشچىلىقىدىكى شىمالىي گېرمانىيە ئىتتىپاقى رەسمىي قۇرۇلغان. 

پراگا قوزغىلىڭى

  • پراگا قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا چېخوسلوۋاكىيە پايتەختى پراگا خەلقىنىڭ گېرمانىيە ئىشغالىيەتچىلىرىگە قارشى قوزغىلىڭى. 1945-يىل 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، گېرمان فاشىستلىرى بىتچىت بولۇش ھارپىسىدا، پراگا خەلقى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، نۇرغۇنلىغان تايانچ نۇقتىلارنى ئىگىلىگەن، 2000 دەك كوچا قورغىنى قۇرۇپ، كۈچ جەھەتتىن ئۈستۈن بولغان دۈشمەن بىلەن ھايات-ماماتلىق جەڭ قىلغان. 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن گېرمانىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، پراگانى ئازاد قىلغان. 

پراگا كېلىشىمى

  • پراگا كېلىشىمى[يەشمىسى:] 1433- 11-ئايدا، بازىل دىنىي يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خۇس ھەرىكىتىدىكى مۆتىدىللەر، يەنى مۇقەددەس جامچىلار (كالىكىتنىچىلار) ۋەكىللىرىنىڭ پراگادا ئىمزالىغان كېلىشىمى. كېلىشىم: چېركاۋنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش؛ مىسسا ۋاقتىدا دىندارلار مۇراسىم باشقۇرغۇچى پوپلارغا ئوخشاش مۇقەددەس تەن (پوشكال)ۋە مۇقەددەس قان (ھاراق) غا ئىگە بولۇش؛ دىن تارقىتىش ئەركىنلىكىنى بېكىتىش؛ مىسئونېرلارنىڭ چېركاۋ يەر-مۈلكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولۇش دېگەن تۆت ماددىدىن تۈزۈلگەن. كېلىشىم چېخ ئاقسۆڭەكلىرى ۋە شەھەر بايلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولغانلىقتىن، دېھقانلار ۋە ئاددىي شەھەر پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تابورچىلار ئۇنىڭدىن نارازى بولغان. نەتىجىدە ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. 1434-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى لىپان (Lipan ياكى Lipany، پراگانىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) ئۇرۇشىدا مۇقەددەس جامچىلار تابورچىلارنى مەغلۇپ قىلغان. 

پراگا كىنەزلىكى

  • پراگا كىنەزلىكى[يەشمىسى:] «چېخ كىنەزلىكى»گە قاراڭ.

پراگا ئىشچىلىرىنىڭ نامايىشى

  • پراگا ئىشچىلىرىنىڭ نامايىشى[يەشمىسى:] 1918-يىلدىكى 1-ماي بايرىمىدا چېخوسلوۋاكىيە ئىشچىلىرىنىڭ سىياسىي نامايىشى. 1917-يىلىدىكى روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن 1918-يىلى 1-ئايدا 150 مىڭ كىشىلىك ئىش تاشلاش يۈز بېرىپ، پراگادا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سۈلھ تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. 1-مايدا پراگادا يەنە 100 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن، نامايىشچىلارنىڭ شوئارى: «بىزگە سوتسىيالىستىك دۆلەت كېرەك» دېگەندىن ئىبارەت ھەمدە ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان خىتابنامە ماقۇللانغان.

پراگا ئىيۇن قوزغىلىڭى

  • پراگا ئىيۇن قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] چېخ خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان قوزغىلىڭى. 1848-يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، فرانسىيە فېۋرال ئىنقىلابى ۋە ۋېنا ماي قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرىدە پراگا ستۇدېنىتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بۇ شەھەرگە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن كەلگەن ئاۋسترىيە قوشۇنلىرىنىڭ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن بۇ تەلەپ رەت قىلىنغان. 12-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇغۇچىلار، ئىشچىلار، شەھەر ئاھالىسىنىڭ نامايىشى يەنە ئوققا تۇتۇلغان. نەتىجىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. فرىچ (Josef Vacly Fric، 1829— 1890) قاتارلىق ئىنقىلابچىلار كۈرەشكە يېتەكچىلىك قىلغان. بىراق، لىبېرال بۇرژۇئازىيىنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ھەمدە شەھەر-يېزا پرولېتارىياتىنىڭ ياردىمىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقى تۈپەيلى قوزغىلاڭچىلار بۆلۈنۈپ كېتىپ، قوزغىلاڭ بەش كۈندىن كېيىن باستۇرۇلغان.

پرامبانان

  • پرامبانان[يەشمىسى:]Prambanan)، ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دىنىي خارابە. ھازىرقى رىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن 17 كىلومېتر يىراقلىققا جايلاشقان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، مىلادى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مادالەن پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى پىكادەن ياساتقانىكەن. ئۇ 8 بۇتخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەممىسى بىر چوڭ ئۇل پەشتاقنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان، ئوتتۇرىدىكىسى زور سىۋا ئىلاھ ئىبادەتخانىسى (ئۇزۇنلۇقى 34 مېتر، كەڭلىكى 34 مېتر، ئېگىزلىكى 47 مېتر)، ئۇنىڭ يېنىدىكىسى ۋىسنۇ ئىلاھ ئىبادەتخانىسى ۋە براخمان ئىبادەتخانىسى بولۇپ، ئۇلاردىكى ھىندى دىنى ئويمىلىرىدا جىددىي جەڭ كۆرۈنۈشلىرى تەسۋىرلەنگەن، بۇ رەسىملەر جانلىق ۋە تىياتىر خاراكتېرىگە باي بولۇپ، شەخسلەرنىڭ قىياپىتى گۈزەل ۋە جانلىق بولغان. نەققاشلىق سەنئىتىدە ھىندىستاننىڭ كلاسسىك سەنئەت قائىدىسىگە رىئايە قىلىنغان ھەمدە يەرلىك مىللىي شەكىل سىڭدۈرۈلۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. سىۋا ئىلاھ ئىبادەتخانىسىدىكى قاپارتما نەقىشلەر «رامايانا» چۆچىكىدىن سۇژىت ئالغان بولۇپ، تېخىمۇ مەشھۇردۇر. 

پراۋوسلاۋىيە (ئورتودوكسىيە)

  • پراۋوسلاۋىيە (ئورتودوكسىيە)[يەشمىسى:] خرىستىئان دىنىنىڭ بىر مەزھىپى. ئۇ، كاتولىك دىنى، پروتېستانت دىنى بىلەن بىرگە خرىستىئان دىنىنىڭ ئۈچ چوڭ مەزھىپى دەپ ئاتىلىدۇ. مىلادى 395-يىلى رىم ئىمپېرىيىسى شەرق، غەرب رىم ئىمپېرىيىسىگە بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن، خرىستىئان دىنىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەزھەپكە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1054-يىلى شەرق ۋە غەرب مەزھىپى رەسمىي بۆلۈنگەن، شەرقىي دىنىي جەمئىيەتلىرى ئۆزلىرىنى «ئەنئەنىۋى دىن» دەپ ھېسابلاپ، پراۋوسلاۋىيە دىنى، گرېك پراۋوسلاۋىيە دىنى (چۈنكى شەرقىي تەرەپ گرېك تىلى رايونى بولغانلىقى ئۈچۈن، دىنىي مۇراسىملاردا گرېك تىلى قوللىنىلغان، لېكىن، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئىشلىتىشكىمۇ رۇخسەت قىلىنغان) دەپمۇ ئاتالغان. پراۋوسلاۋىيە دىنى كونستانتىنوپولدىكى ئارخېئېپىسكوپنى ئېتىراپ قىلىپ، رىم پاپاسىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن ئورنىنى ئېتىراپ قىلمىغان. ئۇلارنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرى كاتولىك دىنىغا سەل-پەل زىت بولغان. ئوتتۇرا ئەسىردە، پراۋوسلاۋىيە دىنى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، دىنىي ھوقۇق پادىشاھلىق ھوقۇققا بويسۇنغان. چېركاۋ ۋە موناستىرلار نۇرغۇنلىغان يەر-مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىپ، يانچىلارنى دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغان. Ⅹ ئەسىردە پراۋوسلاۋىيە دىنى روسىيىگە تارقالغان ھەمدە دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەن؛ 1589-يىلى موسكۋا ۋە پۈتكۈل روسىيىدە ئارخېئېپىسكوپ تەسىس قىلىنغان. كونستانتىنوپولدىكى ئارخېئېپىسكوپ بىلەن بولغان بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتىن قۇتۇلغان، سلاۋىيان تىلىنى قوللىنىدىغان رۇس پراۋوسلاۋىيە دىنى تەدرىجىي شەكىللەنگەن. كېيىن، باشقا دۆلەتلەردىكى پراۋوسلاۋىيە چېركاۋلىرىمۇ مۇستەقىللىك ئورۇنغا ئېرىشكەن. ھازىرقى كۈندە، پراۋوسلاۋىيە دىنى ئاساسەن گرېتسىيە، سىپروس، بۇلغارىيە، يۇگوسلاۋىيە، رومىنىيە، پولشا، چېخوسلوۋاكىيە ھەمدە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەردە تارقالغان.

پراۋوسلاۋىيە دىنى

  • پراۋوسلاۋىيە دىنى[يەشمىسى:] يەنى «ئورتودوكسىيە دىنى»(گرېكچە «Orthodoxia» دېيىلىدۇ — ت).

پرزېمىسⅡ

  • پرزېمىسⅡ[يەشمىسى:]ⅡPrzemyst،1257 — 1296)، پولشا كورولى (1295 — 1296). ئەسلىدە بۈيۈك پولشا (ھازىرقى پولشانىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىنەزى بولغان. 1295-يىلى شەرقىي پولشانى قوشۇۋېلىپ، تاج كىيىپ پادىشاھ بولغان. پولشانىڭ بۆلۈنۈش ھالىتىنى تۈگىتىشكە تىرىشقان، براندېنبۇرگ بەگلىكى پولشانىڭ بىرلىككە كېلىشى ۋە كۈچىيىشىگە تاقەت قىلالماي، 1296-يىلى ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى قەتلى قىلدۇرغان.

پرگىرسۋ پارتىيە

  • پرگىرسۋ پارتىيە[يەشمىسى:]1) گېرمانىيە لىبېرال بۇرژۇئازىيە پارتىيىسى. 1861-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان. ئاساسىي يادروسى پرۇسسىيە چوڭ بۇرژۇئازىيىسى.ئاساسلىق يولباشچىلىرى: ۋالدېك (Benedikt Franz Leowaldeck، 1803 — 1870)، شۇلىتسې دېلىچ ( Hermannschulze-Delitzsch، 1808 — 1883) ۋە ۋىرخوۋ ( Rudolf Virchow، 1821 — 1902) قاتارلىقلار. ئۇلار پرۇسسىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، گېرمانىيە فېدېراتسىيىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى، پۈتۈن گېرمانىيە پارلامېنتىنى چاقىرىپ، پارلامېنت ئالدىدا جاۋابكار بولىدىغان لىبېراللار كابىنېتىنى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 1861-يىلى پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ئىشلارنى ئىسلاھ قىلىش لايىھىسىگە بايقۇت قىلغانلىقتىن، ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچىلەرگە ئايلانغان. 1866-يىلى 10-ئايدا ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ، ئۇنىڭ ئوڭ قانىتى مىللىي لىبېرالىستلار پارتىيىسىنى تەشكىللەپ، بىسماركنىڭ گېرمانىيىنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى قوللىغان، ئۇنىڭ سول قانىتى 1871-يىلى گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە سوتسىيالىستىك ھەرىكەتتىن قورقۇپ، دېموكراتىك ئىسلاھات تەلىپىدىن ۋاز كېچىپ، يۇنكېر پومېشچىكلار سىنىپى بىلەن مۇرەسسەلەشكەن. 1884-يىلى مىللىي لىبېرالىستلار پارتىيىسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان سول قانات ئۇنسۇرلار بىلەن بىرلىشىپ، گېرمانىيە لىبېرال مۇتەپەككۇرلار پارتىيىسىنى قۇرغان. (2) روسىيە بۇرژۇئا پارتىيىسى. 1912-يىلى 11-ئايدا «تىنچ گۈللەندۈرۈش پارتىيىسى» بىلەن «دېموكراتىك ئىسلاھات پارتىيىسى» ئۇنسۇرلىرىدىن تەشكىل قىلىنغان. ئۇنىڭ كاتتىباشلىرى چوڭ كاپىتالىست كونوۋالوۋ (А. П. Коновалов)، رىيابوشنىسكى (И.П.Pярущинский) قاتارلىق كىشىلەردىن ئىبارەت. ئۇ «ئۆكتەبرچىلەر» بىلەن كادىتلار پارتىيىسى ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، بارلىق كۈچى بىلەن ئىككى پارتىيىنى بىرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، بۇرژۇئا پارتىيىسىنىڭ كۈچىنى كۈچەيتمەكچى بولغان. پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، دۆلەت دوماسى ئالدىدا جاۋابكار بولىدىغان «مەسئۇل كابىنېت» قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 1915-يىل «ئىلگىرىلەش ئىتتىپاقى» غا قاتنىشىپ، ئىككىنچى يىلى سىياسىي كۆز قاراش ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن بۇ ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىققان. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە قاتناشقان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، باشقا ئەكسىلئىنقىلابىي پارتىيىلەر بىلەن بىرلىكتە سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ تەشكىلاتچىسىغا ئايلانغان.

پروتاگوراس

  • پروتاگوراس[يەشمىسى:]Protagoras، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 481 — 411)، قەدىمكى يۇنانلىق پەيلاسوپ. ئاقىللار ئېقىمى ئىچىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە شەخس. تراكىيىدىكى ئابدېرا (Abdera) دا تۇغۇلغان. مەخسۇس ستىلىستىكا ۋە باشقا بىلىملەر (ھاكىمىيەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجى بويىچە) نى ئوقۇتۇپ، نۇرغۇن جايلارغا بارغان، ئەينى زاماندا بىرقەدەر زور تەسىرگە ئىگە بولغان. پلاتون ئۆزىنىڭ «پروتاگوراس ھەققىدە» دېگەن ئەسىرىدە، پروتاگوراس ئۆزىنىڭ «ئاقىل» ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ئۆزىگە شاگىرت بولغانلارنىڭ ھەركۈنى ئۆگىنىشتىن مەلۇم مەنپەئەت ئېلىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى (پەقەتلا ئوقۇش راسخوتىنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى) يازغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 444 يىل ئىلگىرى جەنۇبىي ئىتالىيىدىكى ئافىنا مۇستەملىكە شەھىرى تۇرى (Thurii) ئۈچۈن بىر قانۇنلار توپلىمى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە، ئافىنانى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلىپ، ئافىنانىڭ دېموكراتىك سىياسىئونى پېرىكلېس بىلەن دوستلاشقان. ئىككىنچى قېتىم زىيارەت قىلغاندا، ئېيتىلىشىچە، ئۇ «ئىلاھ توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىدە «ئىلاھلارغا كەلسەك، مەن ئۇلارنى مەۋجۇت دەپمۇ ئېيتالمايمەن، مەۋجۇت ئەمەس دەپمۇ ئېيتالمايمەن» دەپ ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن، «ئاتېئىزم جىنايىتىنى ئۆتكۈزدى» دەپ ئەيىبلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن ئافىنادىن قېچىپ كېتىۋاتقىنىدا، يولدا سۇغا چۆكۈپ ئۆلگەن. ئۇنىڭ «ھەقىقەت توغرىسىدا» دېگەن باشقا بىر ئەسىرىدە «ئادەم كائىناتنىڭ ئۆلچىمى، مەۋجۇت بولغۇچىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئۆلچىمى، مەۋجۇت ئەمەسلەرنىڭ مەۋجۇت بولماسلىق ئۆلچىمىدۇر» دېگەن بىر جۈملە سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ. بۇ بىر جۈملە سۆز ئادەتتە ھەربىر ئادەمنىڭ كائىناتتىكى ھەممە شەيئىلەرنى ئۆلچەيدىغان ئۆز ئۆلچىمى بولىدۇ، شۇڭا ھەممە ئادەم ئاساسلىنىدىغان ئوبيېكتىپ ھەقىقەت بولمايدۇ، دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتىپ ئۆلچىمىدىن گۇمانلىنىدىغان بۇ تەشەببۇس سوقرات (ئەپلاتون دىئالوگلىرىنىڭ جارچىسى) نىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. پروتاگوراس بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتە ماددىي دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە سەزگۈ-بىلىمنىڭ مەنبەسى دەپ قارىغان، ئۇنى قەدىمكى يۇناننىڭ تۇنجى سەزگۈ نەزەرىيىچىسى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەمما ئادەمنىڭ سەزگۈسىنىڭ نىسپىيلىكىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىپ، نىسپىيچىلىككە پېتىپ قالغان. سىياسىي ۋە ئېتىكا جەھەتلەردە، ئەخلاق بىلەن قانۇن كىشىلەر ئارا كېلىشىمدىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قاراپ، تەرتىپ بىلەن نوپۇزنىڭ مەڭگۈلۈكىدىن گۇمانلانغان. ئەسەرلىرىدىن پەقەت پارچىلارلا ساقلىنىپ قالغان.

پروتېكتورات

  • پروتېكتورات[يەشمىسى:] ⅩⅦ ئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالىي يولباشچىسى. پارلامېنتقا ئەزالىققا سايلىنىپ ئۆمۈرۋايەتلىك ۋەزىپە ئۆتىگەن. بىراق ۋارىسلىق قىلىشقا بولمىغان. ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى تولۇقلاشنى بەلگىلەش، جىنايەتچىلەرنى (دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتىدىن باشقا) كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. پارلامېنتنىڭ رازىلىقىسىز قوشۇن يۆتكەشكە، ئۇرۇش ئېلان قىلىشقا ۋە سۈلھ تۈزۈشكە بولمىغان. ئۈچ يىلدا بىر قېتىم پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈش كېرەك بولغان. پارلامېنت ماقۇللىغان قانۇن لايىھىلىرىنى پروتېكتورات تەستىقلاشقا توغرا كەلگەن. 1653-يىل 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاساسىي قانۇن لايىھىسىگە بىنائەت كرومۋېل ئەنگلىيىنىڭ پروتېكتوراتى قىلىپ تەيىنلەنگەن. 1658-يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى كرومۋېل ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى رىچارد كرومۋېل (Richard Cromwell،1622— 1712) ۋارىسلىق قىلغان. ئىككىنچى يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى تەختتىن چۈشۈپ، شۇنىڭ بىلەن پروتېكتورات ھۆكۈمرانلىقى ئاياغلاشقان.

پرۇسسىلار

  • پرۇسسىلار[يەشمىسى:]Prussi ياكى Borussi)، قەدىمكى زاماندا بالتىق دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىرغىقىدا ۋىسلا دەرياسى بىلەن نومان دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى ئارىلىقىدا ئولتۇراقلاشقان قەبىلىلەر توپى بولۇپ، ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ بالتىق دېڭىزى تىل تۈركۈمىگە كىرىدۇ. مەدەنىيەت جەھەتتە لىتۋالىقلارغا يېقىنلىشىدۇ. مىلادى Ⅸ ئەسىردە ئۇنىڭ ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمى يىمىرىلىشكە باشلىغان. كېيىن قوشنا بولغان پولشا كىنەزلىكى، بولۇپمۇ مازوۋىيە (Mazovia) كىنەزلىكى بىلەن دائىم توقۇنۇشۇپ تۇرغان. 1226-يىلى مازوۋىيە كىنەزى كونراد Ⅱ تيوتون رىتسارلىرى پولكىنى چاقىرىپ كېلىپ، پرۇسسىلارغا ھۇجۇم قىلغان.ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، تيوتون رىتسارلىرى پولكى ئۇنى بويسۇندۇرغان ھەمدە ئۇ يەردە (شەرقىي پرۇسسىيىدە) مۇستەقىل رىتسارلار پولكى دۆلىتىنى قۇرغان.

پروكلوس

  • پروكلوس[يەشمىسى:]Proklos ياكى Proclus، تەخمىنەن 410 — 485) قەدىمكى يۇناننىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى پەيلاسوپ. يېڭى ئەپلاتونچىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەكىلى. ۋىزانتىيە (كونستانتىنوپول) دا تۇغۇلغان. دەسلەپتە ئالېكساندرىيىدە بىلىم ئالغان، كېيىن ئافىناغا بېرىپ سىرىيانوس (Syrianos) نى ئۇستاز تۇتقان؛ ئۇستازى ئۆلگەندىن كېيىن يېڭى ئەپلاتونچىلارنىڭ «ئىشىنى داۋاملاشتۇرغۇچى» (Diadochos) سىغا ئايلىنىپ، بىر مەھەل مەشھۇر بولغان. ئۇ پلوتىنوستىن كېيىن «ئېقىپ-چىقىش تەلىماتى» (ماددىي دۇنيا ئاجايىپ كۈچ ئىچىدىن ئېقىپ چىققان دەپ قاراش) نى تەشەببۇس قىلىپ، ئەپلاتون تەلىماتىنى تېخىمۇ سىرلىق تۈسكە كىرگۈزگەن. ئۇ يەنە يۇناننىڭ ۋە شەرقنىڭ دىنىي ئىلاھىيىتىنى ئىدېئالىستىك پەلسەپىگە سىڭدۈرۈپ، ئادەمنىڭ روھى پەقەت تەننىڭ كىشىنىدىن قۇتۇلغاندىلا، ئاندىن ھەقىقەتنى كۆرەلەيدۇ دەپ تەرغىپ قىلىپ، پەلسەپىنى دىننىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. «ئىلاھىيەت قائىدىلىرى» ۋە «ئەپلاتوننىڭ ئىلاھىيەت ئىلمى» دېگەن ئەسەرلىرى بار، يەنە ئەپلاتوننىڭ «دىمېئو توپلىمى»، «باماندى توپلىمى» قاتارلىق سۆھبەتلىرىگە ئىزاھات بەرگەن، يەنە ئېئۇكلىدنىڭ «گېئومېترىيە ئەسلى نۇسخىسى»، ھېسئودوسنىڭ «ئەمگەك ۋە ۋاقىت» («ئېتىز ئىشى دېھانچىلىق پەسلى») دېگەن ئەسەرلىرىنىمۇ ئىزاھلىغان. 

پروكوپ

  • پروكوپ[يەشمىسى:]Andrew Prokop، تەخمىنەن 1384 — 1434) يەنى چوڭ پروكوپ. خوس ھەرىكىتىدىكى تابورچىلار قوشۇنىنىڭ قوماندانى. ئەسلى مىسسىئونېر بولۇپ، زىزكا 1424-يىلى كېسەلدىن ئۆلگەندە، ئۇنىڭ ئورنىغا تابورچىلار قوشۇنىنىڭ قوماندانى بولغان. 1427-ۋە 1431-يىللىرى پاپا ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى سىگىزمۇندنىڭ چېخىيىگە ئەۋەتكەن ئىككى قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان؛ شۇ جەرياندا يەنە قوشۇنىنى باشلاپ ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە، سىلېزىيە، ساكسونىيە ۋە فرانكونىيىلەرگە بېسىپ كىرگەن. 1433-يىلى بالتىق دېڭىزىنىڭ بويىغا بېرىپ، پولشانىڭ تيوتون رىتسارلار پولكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى كۆرىشىنى قوللىغان. كېيىن باسېل دىنىي يىغىنىغا قاتنىشىپ، كاتولىك دىنىي كۈچلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى رەت قىلغان. 1434-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى لىپانى (Lipany، پراگانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان) جېڭىدە مۇقەددەس جامچىلار قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، قۇربان بولغان.

پروكوپئۇس

  • پروكوپئۇس[يەشمىسى:]Procopius، تەخمىنەن 500 — 565)، ۋېزانتىيە ئىمپېرىيىسى يۇستىنئان دەۋرىدىكى تارىخشۇناس. كائېسارىيىدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ياخشى كلاسسىك تەربىيىگە ئىگە بولغان. مىلادى527-يىلى تەكلىپكە بىنائەن گېنېرال بېلسارىئۇسگە كاتىپ بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە شىمالىي ئافرىقىدىكى ۋاندار پادىشاھلىقى بىلەن ئىتالىيىنىڭ شەرقىي گوت پادىشاھلىقىغا يۈرۈش قىلغان. كېيىن يەنە ئىران ساسسانىيلار سۇلالىسىگە قارشى سوقۇشقىمۇ قاتناشقان. يۇستىنئاننىڭ ئىشەنچسىگە ئېرىشىپ، ئۇزاق مۇددەت ئوردىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولغان. ئاساسلىق ئەسىرى ئىككى، ئۇنىڭ بىرى «زامانىمىزنىڭ تارىخى» بولۇپ، يۇستىنئاننىڭ سىرتقا قارىتا ئەسكەر ئىشلىتىش جەريانى خاتىرىلەنگەن؛ يەنە بىرى «مەخپىي تارىخ» بولۇپ، يۇستىنئان دەۋرىدىكى سىياسىي ئىشلار خاتىرىلەنگەن. بۇ ئەسەرنىڭ نۇقتىئىنەزەرى قىسمەن سنات ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ يۇستىنئان يۈرگۈزگەن پادىشاھلىق مۇستەبىتلىككە بولغان نارازىلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە بولسىمۇ، ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى خاتىرىلەپ، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمىگەن.

پرولېتارلار بىرلەشمىسى

  • پرولېتارلار بىرلەشمىسى[يەشمىسى:] مېھنەتكەشلەر پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فىلىپپىننىڭ ئىلغار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى. 1929-يىلى 5-ئايدا چاقىرىلغان فىلىپپىن ئىشچىلار ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا، ئىشچى-دېھقانلار ھەرىكىتىدىكى ئىسلاھاتچىلار قۇرۇلتىيىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان. قۇرۇلتايغا قاتناشقان ئىلغار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى قۇرۇلتايدىن چېكىنىپ چىقىپ، يېڭىدىن مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەركىزىنى قۇرۇپ ئۇنىڭغا پرولېتارلار بىرلەشمىسى دەپ نام بەرگەن. ئېۋانگىلىستا ۋە ئورا(Antonio ora، 1890 —1931) لار رەھبەر بولغان. كېيىن دېھقانلار بىرلەشمىسىمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلغان. شۇ يىلى 8-ئايدا، خەلقئارا پرولېتارلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئۈچۈن ۋەكىل ئەۋەتىپ، ۋىلادۋوستوكتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك تىنچ ئوكيان ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشتۇرغان. بىرلەشمە، ئىشچىلارنى ئىش تاشلاشقا، پومېشچىك جازانىخورلارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشىغا قارشى تۇرۇشقا ئۇيۇشتۇرغان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. جاھانگىرلىكنىڭ زۇلمىنى يوقىتىپ، فىلىپپىننىڭ تولۇق مۇستەقىللىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىرلەشمە ئەمەلىيەتتە فىلىپپىن كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ (1930-يىلى قۇرۇلغان) تەكتىدىن ئىبارەت.

پرولېتارىيات

  • پرولېتارىيات[يەشمىسى:]«رىم پرولېتارلىرى»غا قاراڭ.

پروم پادىشاھلىقى

  • پروم پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] «پيۇ دۆلىتى»گە قاراڭ.

پرومېتې

  • پرومېتې[يەشمىسى:]Prometheus)، قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئىنسانلارغا ئوت ئەكىلىپ بەرگەن تەڭرى. ئېيتىلىشىچە تەڭرىلەر خۇداسى زېۋىس ئۇنىڭ ياردىمىدە ئاتىسىنى ئاغدۇرۇپ، ئولېمېپ تېغىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تارتىۋالغان. زېۋىس ھەر خىل ھوقۇقلارنى تەڭرىلەرگە تەقسىم قىلىپ، پەقەت ئىنسانلارغىلا ھېچ نەرسە بەرمىگەن، بەلكى ئىنسانلارنى يوقىتىپ، «يېڭىچە ئادەم» لەرنى بارلىققا كەلتۈرمەكچى بولغان. پرومېتې ئىنسانلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، ئۇلارغا ئاسماندىن ئوت ئوغرىلاپ ئەكىلىپ بەرگەن ھەمدە ئىنسانلار ئۈچۈن ماتېماتىكا، يېزىق قاتارلىقلارنى ئىجاد قىلغان، ئادەملەرگە ئۆي-ئىمارەت سېلىش، چارۋا بېقىش، دېڭىز سەپىرى قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆگىتىپ، ئىنسانىيەتكە ئەقىل ئاتا قىلغان. شۇ سەۋەبتىن زېۋىسنىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ، يولسىزلىق بىلەن كاپكاز تېغىدىكى قىياغا زەنجىرلەپ قويۇلغان. كۈندۈزى بۈركۈت ئۇنىڭ بېغىرىنى چوقۇلاپ يېگەن، كېچىسى زەخىملەنگەن بېغىر قايتىدىن ئۆسۈپ چىقىپ، ئۇنى چەكسىز ئازاب ئۇقىبەتكە گىرىپتار قىلغان. ئەمما ئۇ ھەرگىز تىز پۈكمىگەن. ئەڭ ئاخىرىدا بۈركۈت پالۋان گېراكل تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىنلا، ئازابلىنىشتىن قۇتۇلغان. قەدىمكى يۇناننىڭ تۇنجى تراگېدىيىچىسى ئاسخىلۇس «كىشەنلەنگەن پرومېتې» نى يازغان. ياۋروپانىڭ كېيىنكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىدە، پرومېتې زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان، ئۆزىنى قۇربان قىلىپ كۆپچىلىككە بەخت-سائادەت يارىتىدىغان بەدىئىي تىپ بولۇپ قالغان. ئەنگلىيىلىك شائىر شېللېي «ئازاد قىلىنغان پرومېتې» دېگەن شېئىرىي تىياتىرنى يازغان.

پرونىيە تۈزۈمى

  • پرونىيە تۈزۈمى[يەشمىسى:]پرونىيە (Pronia) گرېكچە سۆز بولۇپ، «ھامىيلىق قىلىش»، «خەۋەر ئېلىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىدە يولغا قويۇلغان بىر خىل يەر تەقدىم قىلىش تۈزۈمى. غەربىي ياۋروپانىڭ سۇيۇرغال تۈزۈمىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. Ⅺ ئەسىردىكى ماكېدونىيە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە باشلانغان. بۇ تۈزۈمدە دۆلەت ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ياكى دۆلەت خىزمەتچىسى بولۇشنى شەرت قىلىپ، يەرنى (ئۇنىڭ ئىچىدە تولىسى يېزا كوممۇنىسىنىڭ يېرى) فېئوداللارغا ھەدىيە قىلغان، ئەمما مىراس قالدۇرۇشقا رۇخسەت قىلمىغان. ھەدىيە ئالغۇچى شۇ يەردىكى دېھقانلاردىن يەر ئىجارىسىنى تەڭشەش بېجى ۋە ئالۋان ئالغان ھەمدە ئەدلىيە ھوقۇقى ۋە مەمۇرىي تەۋەلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان. بۇ تۈزۈم ۋىزانتىيە يېزا كوممۇنىلىرىنىڭ پارچىلىنىشىنى ۋە ئەركىن دېھقانلارنىڭ يانچىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پروئۇست

  • پروئۇست[يەشمىسى:]Marcel Proust، 1871 — 1922) فرانسىيىلىك يازغۇچى. پارىژ داشۆسىدە مەخسۇس قانۇن ۋە ئەدەبىيات ئوقۇغان. بېرگسون پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرى «يوقالغان دەۋرنى قوغلىشىش» تا فرانسىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، باش قەھرىماننىڭ «يوشۇرۇن ئاڭ» پائالىيىتى سۈرەتلەپ بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى غەرب ئەدەبىياتىغا بىرقەدەر زور تەسىر كۆرسەتكەن.

پروۋېنكىيە

  • پروۋېنكىيە[يەشمىسى:]Provence) فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىدىكى قەدىمكى رايون نامى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە ماسسالىيە شەھىرى قۇرۇلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅱئەسىردە رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، گاللىيە ناربوننې مەمۇرىي ئۆلكىسى قۇرۇلغان. قىسقارتىلىپ مەمۇرىي ئۆلكە دەپ ئاتالغان (لاتىنچە Provincia «بروۋىنكىيە» دېگەن نام مانا مۇشۇنىڭدىن كەلگەن). مىلادى Ⅴ ئەسىردىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن غەربىي گوتلار، بۇرگۇندىلار، شەرقىي گوتلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. تەخمىنەن مىلادى 538-يىلى فرانكو پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان. چارلېس ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن، 843-يىلى ئىمزالانغان «ۋېردىن شەرتنامىسى» غا ئاساسەن لوتائىرې Ⅰ گە بۆلۈپ بېرىلگەن. مىلادى 879-يىلى تۆۋەنكى بۇرگۇندى پادىشاھلىقى قۇرۇلغان. پروۋېنكىيە پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتالغان. مىلادى 933-يىلى ئار پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان، بۇرگۇندىيە پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتالغان. 1113-يىلى بارسېلونا گرافقا تەۋە بولغان. 1246-يىلى ئانژۇ خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1481-يىلى فرانسىيىگە قوشۇۋېتىلگەن.

پرۇدون

  • پرۇدون[يەشمىسى:]Pierre Joseph Proudhon، 1809 — 1865)، فرانسىيە ئۇششاق بۇرژۇئازىيە سوتسىيالىزمچىسى، ئانارخىزمنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى. ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ھەرپ تىزغۇچى ئىشچى، كېمىچى بولغان، باسمىخانا ئاچقان. 1838-يىلى پارىژغا كۆچۈپ بارغان. 1840-يىلى «مال-مۈلۈك دېگەن نېمە» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلغان، 1846-يىلى «نامراتلىق پەلسەپىسى» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ئىسلاھاتچىلىقىنى تەرغىپ قىلغان. 1848-يىلدىكى ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، كۆپ خىل گېزىت-ژۇرناللارنى چىقىرىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان، 6-ئايدا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. كېيىن ماقالە يېزىپ لۇئى بوناپارتقا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۈچ يىللىق قاماق ۋە 3000 فرانك جەرىمانە تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنغان. تۈرمىدە «بىر ئىنقىلابچىنىڭ ئىقرارى»، «ⅩⅨ ئەسىر ئىنقىلابى ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقۇم»، «2-دېكابر سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا بىر نەزەر» دېگەن ئەسەرلەرنى يازغان. 1852-يىلى تۈرمىدىن چىققان. 1858-يىلى «ئىنقىلاب ۋە چېركاۋدىكى ئادالەت مەسىلىسى توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلغانلىقتىن، يەنە ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، بريۇسسېلغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ يەردە «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق»، «باج نەزەرىيىسى» نى ئېلان قىلغان. 1862-يىلىدىكى ئومۇمىي كەچۈرۈمدىن كېيىن پارىژغا قايتىپ كەلگەن، 1865-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ تەلىماتى ۋە سىياسىي پائالىيىتى ئىشچىلار ھەرىكىتىدە ئۇششاق بۇرژۇئازىيە مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىسلاھاتچىلىق ۋە ئانارخىزم ئىدىيىۋى ئېقىمى - پرۇدونىزمنى شەكىللەندۈرۈپ، پارىژ كوممۇنىسىدىن بۇرۇنقى فرانسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ماركس «پەلسەپە نامراتلىقى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى ئۈزۈل-كېسىل تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ يەنە «ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى توغرىسىدا»، «مال-مۈلۈك نەزەرىيىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

پرۇدونچىلار

  • پرۇدونچىلار[يەشمىسى:] فرانسىيىدىكى پرۇدونىزم مۇرىتلىرى، 1871-يىلقى پارىژ كوممۇنىسى كومىتېتىدىكى ئاز سانلىقلار. ئىككىنچى ئىمپېرىيىگە قارشى كۈرەشتە ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنگەن: تولائىن باشچىلىقىدىكى ئوڭ قانات پرۇدونچىلار، ئۇلار پرۇدون تەلىماتىغا ئومۇميۈزلۈك ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، پارىژ كوممۇنىسى مەزگىلىدە ۋېرسال ھۆكۈمىتىنىڭ قوينىغا ئاشكارا ھالدا ئۆزىنى ئاتقان؛ ۋارلىن ۋەكىللىكىدىكى سول قانات پرۇدونچىلار بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتنىشىپ، پرۇدونىزمنىڭ تەسىرىدىن تەدرىجىي ھالدا قۇتۇلۇپ، ئىلمىي سوتسىيالىزم نۇقتىئىنەزەرىگە يېقىنلاشقان ۋە ئىككىنچى ئىمپېرىيىگە قارشى تۇرۇش، ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇش كۈرىشىگە ئاكتىپ قاتناشقان ھەمدە پارىژ كوممۇنىسىدا ئاساسەن ئىقتىسادىي جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىق ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي پەرمانلارنى چىقارغان. كۆپ سانلىقلار بىلەن كەسكىن توقۇنۇشۇپ قالغانلىقتىن، كوممۇنا كومىتېتىدىن بىر مەزگىل چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما كوممۇنانى قوغداش يولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى جەڭگە قاتناشقان. پارىژ كوممۇنىسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پرۇدونچىلار مەۋجۇت بولۇشتىن قالغان.

پرۇدونىزم

  • پرۇدونىزم[يەشمىسى:] ياۋروپا ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى بىر خىل ئىسلاھاتچىلىق، ئانارخىزملىق ئىدىيىۋى ئېقىم. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى پرۇدون بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا فرانسىيىدە پەيدا بولۇپ، ئەينى زاماندا ئۇششاق ئىشلەپچىقارغۇچىلار كۆپ بولغان ئىتالىيە، بېلگىيە، ئىسپانىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان. ئاساسەن ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئەڭ غايىۋى جەمئىيەت خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكىنى ئاساس قىلغان «ھەمكارلىق تۈزۈمى» دىكى جەمئىيەتتىن ئىبارەت دەپ قاراپ، ئۇششاق خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كاپىتالىستىك خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولغان. ئەمگەكچى خەلق پاي قوشقان «ئالماشتۇرۇش بانكىسى» نى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆسۈمسىز قەرز پۇل تارقىتىش ئارقىلىق، ۋەيران بولۇش گىردابىغا چۈشۈپ قالغان ئۇششاق ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنى قۇتقۇزۇشنى ھەمدە ئىشچىلارنىڭ كوپىراتسىيە، كارخانا ياكى كىچىك زاۋۇتلارنى قۇرۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ خىل تىنچ ئىسلاھاتچىلىق يولى ئارقىلىق مەملىكەت ئىچىدىكى بارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى تەدرىجىي ھالدا سېتىۋېلىپ، ئۇششاق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكىدىكى جەمئىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كاپىتالىستىك جەمئىيەتنى قول ئەمگىكى ھالىتىگە قايتۇرۇپ، ئۇششاق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىش خام خىيالىدا بولغان. يەنە ئانارخىزمنى تەرغىپ قىلىپ، ھەرقانداق دۆلەت، تەشكىلاتلارغا دۈشمەنلىك بىلەن قاراپ، «پارتىيىلەرنى يوقىتىش، ھۆكۈمەتنى يوقىتىش» ھەققىدە جار سېلىپ، ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشىغا، زورلۇق ئىنقىلابىغا، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا، ھەرقانداق نوپۇز ۋە ئىنتىزامغا قارشى تۇرغان. بۇ مەسلەكنىڭ تارقىلىشى خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن. ماركس ۋە ئېنگېلس «پەلسەپە نامراتلىقى»، «تۇرار جاي مەسىلىسى ھەققىدە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە پرۇدونىزمنى چوڭقۇر تەنقىد قىلغان.

پرۇسسىيە

  • پرۇسسىيە[يەشمىسى:]Preupen). ئەسلىدە پرۇسسىلار ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ،ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا تيوتون رىتسارلار پولكى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان ۋە «پرۇسسىيە» (يەنى شەرقىي پرۇسسىيە) دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. 13 يىللىق ئۇرۇش (1454 — 1466) تىن كېيىن، پولشاغا تەۋە بولغان. 1525-يىلى پرۇسسىيە كىنەزلىكى دەپ ئاتالغان. 1618-يىلى ھوھېنزوللېرن جەمەتى براندېنبۇرگ ئىمپېراتور سايلىغۇچى بەگلىكى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنىپ، دۆلەت كۈچى كۈنسايىن كۈچەيگەن. 1660-يىلى پولشانى مەغلۇپ قىلغان. 1701-يىلى پرۇسسىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا پولشانى ئۈچ قېتىملىق بۆلۈشۈۋېلىشقا قاتنىشىپ، پولشانىڭ غەربىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى كەڭ زېمىنغا ئىگە بولغان. 1806-يىلى ناپولېئون تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، زېمىنىنىڭ يېرىمىدىن دېگۈدەك ئايرىلغان. ناپولېئون ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى خەلقئارا ئورنى ئەسلىگە كەلگەن. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ، دانىيە ئۇرۇشى (1864-يىلى)، پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشى (1866-يىلى)، پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى(1870 — 1871-يىللار) ئارقىلىق، گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 1871-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. پرۇسسىيە ئىمپېرىيىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ، پرۇسسىيە كورۇلى ئىمپېرىيىنىڭ ئىمپېراتورلۇقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن.

پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشى

  • پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] يەتتە ھەپتىلىك ئۇرۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىپ ئېلىپ بارغان سۇلالە ئۇرۇشى. پرۇسسىيە دانىيە ئۇرۇشىنىڭ قېپقالغان مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تالاش-تارتىشلاردىن پايدىلىنىپ، 1866-يىل 6-ئاينىڭ 7-كۈنى «گاستېيىن شەرتنامىسى» نى بۇزۇپ، پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە شلېسۋىگ-ھولىستېيىن (Schleswig - Holstein) ئىككى كىنەزلىكنى ئورتاق ئىشغال قىلىشقا ھوقۇقلۇق دېگەننى باھانە قىلىپ، ئارمىيىسىنى ئاۋسترىيىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ھولىستېيىنغا كىرگۈزگەن. ئاۋسترىيىمۇ شلېسۋىگكە ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان ھەمدە فرانسىيىنى ئۆزىگە تارتىپ، گېرمانىيىدىكى بەگلىكلەرنى پرۇسسىيىگە قارشى تۇرۇشقا قۇتراتقان. باۋارىيە، ھاننوۋېر، ساكسونىيە، ۋيۇرتېمبېرگ، ھېسسېن قاتارلىق بەگلىكلەر ئاۋسترىيىنى قوللىغان. ئىتالىيە پرۇسسىيە تەرەپكە قوشۇلغان. ئۇرۇش باشلىنىشى بىلەنلا ئىتالىيە ئارمىيىسى مەغلۇپ بولۇپ، پرۇسسىيە ئارمىيىسىنى پايدىسىز ۋەزىيەتكە چۈشۈرۈپ قويغان. 7-ئاينىڭ 3-كۈنى پرۇسسىيە ئارمىيىسى سادوۋا جېڭىدە ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى مەغلۇپ قىلغان ھەمدە ۋېناغا قىستاپ بارغان. فرانسىيىنىڭ كېلىشتۈرۈشى نەتىجىسىدە، 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلگەن. ئۇرۇش ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ پەقەت يەتتە ھەپتىلا داۋاملاشقان، 8-ئاينىڭ 23-كۈنى «پراگا شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ، پرۇسسىيە شلېسۋىگ-ھولىستېيىن ۋە ھاننوۋېر قاتارلىق جايلارغا ئىگە بولغان، ئاۋسترىيە گېرمان ئىتتىپاقىدىن قايتىپ چىققان. ئىككىنچى يىلى پرۇسسىيە باشچىلىقىدىكى شىمالىي گېرمانىيە ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ، پرۇسسىيە گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندىغان.

پرۇسسىيە بىرلەشمە شتاتلار پارلامېنتى

  • پرۇسسىيە بىرلەشمە شتاتلار پارلامېنتى[يەشمىسى:]پرۇسسىيە كورۇللۇقى مالىيە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاچقان فېئوداللىق تەبىقە مەجلىسى. 8 ئۆلكىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك پارلامېنتلىرى سايلاپ چىققان كومىتېتلارنىڭ بىرلىشىشىدىن تەركىب تاپقان. 1847-يىل 4-ئاينىڭ 11-كۈنى پرۇسسىيە كورۇلى فرېدرىخ ۋېلھېلم Ⅳ نىڭ رىياسەتچىلىكىدە بېرلىندا ئېچىلغان. يۇقىرى، تۆۋەن ئىككى پالاتاغا بۆلۈنگەن: ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسى 72 نەپەر يۇقىرى قاتلام ئاقسۆڭەكلەردىن تەركىب تاپقان؛ ئۈچ تەبىقە پالاتاسى رىتسارلار ۋەكىلى (237 نەپەر)، شەھەر ۋەكىلى (182 نەپەر) ۋە دېھقانلار ۋەكىلى (124 نەپەر) دىن تەركىب تاپقان.ئۇنىڭ فۇنكسىيىسى پەقەت يېڭى باجلارنى تەستىقلاش ۋە زايوم تارقىتىش بىلەنلا چەكلەنگەن؛ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بولمىغان، پەقەت مەسلىھەت بېرىش ھوقۇقىلا بولغان، بەلكى پەقەت كورۇل ياكى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنىلا مۇزاكىرە قىلالىغان. بۇرژۇئازىيە قاتتىق نارازى بولۇپ، قىسمەن ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بىرلىشىپ لىبېرال ئۆكتىچىلەرنى ئۇيۇشتۇرغان، مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى مالىيە مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈشنى ۋە سىياسىي ھوقۇقلارنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلغان. كورۇل 6-ئاينىڭ 26-كۈنى پارلامېنتنى تارقىتىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن 1848-يىلىدىكى گېرمانىيە ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشىنى تېزلەشتۈرگەن.

پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى

  • پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] 1870 — 1871-يىللاردا پرۇسسىيىنىڭ فرانسىيە بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. پرۇسسىيە بىلەن فرانسىيە ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ زومىگەرلىكىنى تالىشىش ۋە گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، ئۇزاق مۇددەت سۈركىلىشكەن. ئىسپانىيە كورۇللۇق تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ماجىراسى، ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۇرۇش قوزغاشنىڭ باھانىسى قىلىپ پايدىلىنىلىپ، 1870-يىل 7-ئاينىڭ 19-كۈنى فرانسىيە پرۇسسىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان. ئۇرۇش 8-ئاينىڭ 2-كۈنى باشلىنىپ، فرانسىيە ئارمىيىسى ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. پرۇسسىيە ئارمىيىسى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى چېگرىدىن ئۆتۈپ، ئالساسقا كىرگەن. ناپولېئون Ⅲ بىلەن مارشال مىكىماخون 9-ئاينىڭ 2-كۈنى سىداندا تەسلىم بولغان. 9-ئاينىڭ 4-كۈنى پارىژدا ئىنقىلاب پارتلاپ، ئىككىنچى ئىمپېرىيىنى ئاغدۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىپ، تروشۇي باشچىلىقىدىكى دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. 9-ئاينىڭ 19-كۈنى پارىژ پرۇسسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان. 10-ئاينىڭ 7-كۈنى گامبېتتا ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇپ پارىژدىن قېچىپ چىققان ۋە فرانسىيىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە بېرىپ، قارشىلىق كۆرسىتىشنى ئۇيۇشتۇرغان. 10-ئاينىڭ 27-كۈنى مارشال بازان مېتزدا تەسلىم بولغان. 1871-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى پرۇسسىيە كورۇلى ۋېلھېلم Ⅰ ۋېرسالدىكى ئەينەكلىك زالدا تاج كىيىپ، گېرمانىيە ئىمپېراتورى بولغان. 1-ئاينىڭ 28-كۈنى فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. فرانسىيە يېڭى مىللىي پارلامېنتى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى بوردېئائۇكس (Bordeaux) تا ئېچىلغان. 2-ئاينىڭ 26-كۈنى فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە ۋېرسالدا دەسلەپكى سۈلھ شەرتنامىنى ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامە 3-ئاينىڭ 1-كۈنى فرانسىيە مىللىي پارلامېنتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان. 3-ئاينىڭ 18-كۈنى پارىژ كوممۇنا ئىنقىلابىي پارتلىغان. 5-ئاينىڭ 10-كۈنى فرانكفورتتا رەسمىي سۈلھ شەرتنامە ئىمزالانغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىنى ئۆزگەرتىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاپەت يىلتىزىنى كۆمگەن.

پرۇسسىيە ئىتتىپاقى

  • پرۇسسىيە ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] «ئۈچ كورۇل ئىتتىپاقى»غا قاراڭ.

پرۇسسىيە ئىلمىي ئېقىمى

  • پرۇسسىيە ئىلمىي ئېقىمى[يەشمىسى:] كىچىك گېرمان ئېقىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا گېرمانىيىدە كەڭ تارقالغان بۇرژۇئازىيە تارىخشۇناسلىق ئېقىمى. تارىخنى پرۇسسىيە سۇلالىسىنىڭ قورال كۈچى ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈش سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئاكتىپ تەرغىپ قىلغانلىقتىن، مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. رانكې ئېقىمىدىكىلەرنىڭ تارىخ قارىشى ۋە تارىخشۇناسلىق ئۇسۇلىغا نارازى بولۇپ، بىسماركنىڭ «تۆمۈر-قان سىياسىتى»نى ئاكتىپ قوللاپ، گېرمانىيىدىكى ھەرقايسى ئەللەر پەقەت پرۇسسىيىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئىدارە قىلىشى ئاستىدىلا، ئاندىن بىرلىككە كېلەلەيدۇ، دەپ قارىغان. گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى كېڭەيمىچىلىكى ئۈچۈن، ئىدىيە-نەزەرىيە جەھەتتە ناھايىتى زور رول ئوينىغان. لېنىن بۇ ئېقىمدىكىلەرنىڭ تارىخشۇناسلىقى گېرمانىيە يونكېرلىرى ۋە چوڭ بۇرژۇئازىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان «بيۇروكرات ساقچى» تاىرخشۇناسلىقىدۇر، دەپ كۆرسەتكەنىدى. ئاساسلىق ئەزالىرى شىبىل، درويسېن، ترائىلوك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

پرۇسسىيە يولى

  • پرۇسسىيە يولى[يەشمىسى:] گېرمانىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە كاپىتالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش يولى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پرۇسسىيە ھۆكۈمىتى ئىسلاھاتچىلىق تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يونكېر پومېشچىكلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن. 1850-يىلى 3-ئايدا «پومېشچىكلار بىلەن دېھقانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەرتىپكە سېلىش پەرمانى» نى ئېلان قىلىپ، قىسمەن باي دېھقانلارنى فېئوداللىق مەجبۇرىيەتلەردىن پۇل تۆلەپ قۇتۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، باي دېھقانلار تەبىقىسىنى شەكىللەندۈرگەن، كەڭ دېھقانلارنى يەردىن ئايرىپ، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ياللانما ئىشچىلىرىغا ياكى شەھەردىكى ياللانما ئىشچىلارغا ئايلاندۇرغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپلىگەن يەرلەرنى يونكېر پومېشچىكلار ۋە باي دېھقانلارنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كاپىتالىستىك ئىگىلىك باشقۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چوڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. 1854-يىلى ئېلان قىلىنغان «ياللانما دېھقانلار قانۇنى» يونكېر پومېشچىكلارنىڭ يېزىلاردىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قانۇنىي جەھەتتىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇستەھكەملىگەن. بۇ خىل فېئودالىزمنىڭ قالدۇقلىرىنى ئىسلاھاتچىلىق شەكلى ئارقىلىق ساقلاپ قېلىپ، دېھقانلارنى تالان-تاراج قىلىشنى كۈچەيتىپ، پومېشچىكلار ئىگىلىكىنى ئاستا-ئاستا كاپىتالىستىك ئىگىلىككە ئايلاندۇرۇش جەريانى، مۇئەييەن تىپىكلىككە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، لېنىن ئۇنى «پرۇسسىيە يولى» دەپ ئاتاپ، پومېشچىكلار ئىگىلىكىنى ئىنقىلاب شەكلى ئارقىلىق پاچاقلاپ تاشلاپ، دېھقانلارنى ئەركىنلىك بىلەن يەرگە ئېرىشتۈرۈپ، كاپىتالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرغان «ئامېرىكا يولى» دىن پەرقلەندۈرگەن.

پرېسكوت

  • پرېسكوت[يەشمىسى:]William Hickling Prescott، 1796 — 1859)، ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس. ياش ۋاقتىدا، خارۋارد داشۆسىدە ئوقۇۋاتقاندا، تاسادىپىي ۋەقە تۈپەيلىدىن بىر كۆزىدىن ئايرىلغان، يەنە بىر كۆزى ئېغىر زەخىملەنگەن. 1814-يىلى داشۆنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، دادىسىنىڭ ئادۋوكاتلىق كەسپىنى داۋاملاشتۇرالماي، تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1826-يىلىدىن باشلاپ ئىسپانىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن، بولۇپمۇ ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكە تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.1845-يىلى فرانسىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇخبىر ئاكادېمىكلىكىگە سايلانغان، ئۇزۇن ئۆتمەي بېرلىن خانلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇنىڭ ئۈچ توملۇق «فېردىناند ۋە ئىسابېل تەختتە تۇرغان مەزگىلدىكى ئىسپانىيە تارىخى»دېگەن ئەسىرى بولۇپ، ئۇ ماتېرىياللارنىڭ موللۇقى، ئۇسلۇبىنىڭ راۋانلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر، ئىلىم ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن ئامېرىكا تارىخى بويىچە تۇنجى ئاتاقلىق ئەسەر دەپ قارالغان. يەنە «مېكسىكىنى بويسۇندۈرۈش تارىخى» (ئۈچ توملۇق)، «پېرونى بويسۇندۇرۇش تارىخى» (ئىككى توملۇق، يۇقىرىقى كىتاب بىلەن ھەمشىرە ئەسەر)، «فىلىپ Ⅱ تەختتە تۇرغان مەزگىلدىكى ئىسپانىيە تارىخى» دېگەن ئەسەرلىرى بار. كېيىنكى ئەسىرى پۈتمەي تۇرۇپ، ۋاپات بولغان.

پرېم چاند

  • پرېم چاند[يەشمىسى:]Prem Chand، 1880 — 1936) ئەسلى ئىسمى دانپات راي سرىۋاستانا (Dhanpat Rai Srivastana) بولۇپ، ھىندىستاننىڭ رېئالىزمچى يازغۇچىسى، ھىندى تىلىدىكى رومانلارنىڭ پېشىۋاسى. ۋاراناسى (بىنالېس) شەھىرىنىڭ يېزا خىزمەتچىسى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، كىچىكىدىن تارتىپلا دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن پىششىق تونۇشقان. ئوقۇتقۇچى بولغان، گەندى رەھبەرلىك قىلغان ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان. دەسلەپ ئوردو تىلىدىكى يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، كېيىن ھىندى تىلىدا يېزىشقا كىرىشكەن. 1916-يىلى ئۇ «ئەقىل-پاراسەت ئىلاھى» ناملىق ژۇرنالدا «5 چوڭ ئىلاھ» نى ئېلان قىلىپ، ھىندى تىلىدىكى ئەدەبىيات ئايلىق ژۇرنىلى «ئاققۇ» ۋە ھەپتىلىك ژۇرنال «ئويغىنىش» نى تەسىس قىلغان ھەمدە نەشرىيات قۇرۇپ، زور تۈركۈم ياش يازغۇچىلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن. 1936-يىلى ھىندىستان ئىلغار يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 1-قۇرۇلتىيىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ ئۆمرىدە 12 رومان، 250 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە ۋە سەھنە ئەسىرى قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، ھىندىستاننىڭ «رومان پادىشاھى» ۋە «ھېكايە پادىشاھى» دەپ ئاتالغان. ئەسەرلىرىنىڭ تولىسىدا ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە فېئوداللىق ئېزىشكە قارشى تۇرۇش، تائىپە تۈزۈمى ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇشنى ئاساسىي تېما قىلىپ، ھىندىستان جەمئىيىتىدىكى خىلمۇ خىل زىددىيەتلەرنى پاش قىلغان، ھىندىستان خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، ئەمما بەزىدە ئۈمىدسىزلىنىش ئىدىيىسىنى ئاشكارىلاپ قويغان. ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن «مېھرىبانلىق يولى»، «سەھنە»، «گېدەن» قاتارلىق رومانلار ۋە ھېكايىسىدىن «كىپەن» قاتارلىقلار بار.

پرېميسل سۇلالىسى

  • پرېميسل سۇلالىسى[يەشمىسى:] مىلادى Ⅸ ئەسىردىن ⅩⅣ ئەسىرگىچە چېخىيىدە ھۆكۈم سۈرگەن فېئودال سۇلالە. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، تەخمىنەن مىلادى 800-يىلى، كورۇلىۋا لىبۇسې (Libuse) دېھقان پرېميسل (Premysl) غا ياتلىق بولغان، بۇ سۇلالە شۇنىڭدىن باشلانغان. چېخىيە 895-يىلى بۈيۈك موراۋىيە كىنەزلىكىدىن بۆلۈنۈپ چىققاندىن كېيىن، چېخىيە كىنەزلىكىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى سەردار كىنەز دەپ ئاتالغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىگە قوشۇۋېلىنغان. Ⅻ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا چېخىيە كىنەزلىكى چېخىيە كورۇللۇقىغا ئۆزگەرگەن. ⅩⅢ ئەسىردە چېخىيە كورۇلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى يەتتە چوڭ كىنەزنىڭ بىرى بولغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق كورۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە تۇرغان ۋاقتى تۆۋەندىكىچە: ئوتتوكارⅠ (1198 — 1230)، ۋاسلاۋ Ⅰ (1230 — 1253)، ئوتتوكار Ⅱ (1253 — 1278)؛ ۋاسلاۋ Ⅱ(1278 — 1305). ۋاسلاۋ Ⅲ 1306-يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، سۇلالە ئاخىرلاشقان. 1310-يىلى يوھان (ليۇكسىمبۇرگلۇق) چېخىيىنىڭ كورۇللۇق تەختىگە چىققان، شۇنىڭ بىلەن ليۇكسىمبۇرگ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان.

پرىزرېن ئىتتىپاقى

  • پرىزرېن ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] ئالبانىيىنىڭ مىللىي تەشكىلاتى. 1878-يىلى 6-ئايدا پرىزرېن (Prizren) دا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ رەھبىرى ئاپتور. فراشيورى بولۇپ، ئەزالىرى ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلار ۋە فېئودال ئاقسۆڭەكلەر، راھىپلار، سودىگەرلەر ھەم ئەمەلدارلاردىن تەركىب تاپقان. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بېرلىن يىغىنىدا چىقارغان تۈركىيىنىڭ ياۋروپادىكى ئالبانلار ئولتۇراقلاشقان زېمىنىنى گېرتسېگوۋىنا بىلەن گرېتسىيىگە بۆلۈپ بېرىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىتتىپاقتىن پايدىلىنىپ ئۆز مەنپەئىتىنى قوغدىماقچى بولغان، شۇڭا ئىتتىپاق قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇنى قوللىغان. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ئىتتىپاق تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئالاقىسىنى ئۈزگەن. 1878-يىلى 11-ئايدا، بۇ ئىتتىپاق ئالبانىيىنىڭ ئاپتونومىيە پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئالبانىيە زېمىنىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1881-يىلى 4-ئايدا تۈركىيە ئارمىيىسى ئىتتىپاقنىڭ قوراللىق قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان، ئاپتور فراشيورى قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ئاپتونومىيە ھەرىكىتىنىڭ 7 مىڭدىن ئارتۇق قوللىغۇچىلىرى دەھشەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ئىتتىپاق پارچىلىنىپ كەتكەن.

پرېئوبراژېنى قوزغىلىڭى

  • پرېئوبراژېنى قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] 1903-يىلى 8-ئايدا تراكىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بۇلغارلارنىڭ تۈركىيىنىڭ مىللىي زۇلمىغا قارشى قوزغىلىڭى. ئىلىنتون قوزغىلىڭى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن چاغدا، ماكېدونىيە-ئادرىئانوپولىسنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىنقىلابىي تەشكىلات تەرىپىدىن 8-ئاينىڭ 19-كۈنى يەنى پراۋوسلاۋ دىنىنىڭ «پرېئوبراژېنىئې» (Преображение) بايرىمىدا قوزغىلىتىلغان ھەمدە بۇلغارلار ئولتۇراقلاشقان شىمالىي رايونلارغىچە تارقالغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بەزى يېزا-كەنتلەردە تۇرۇشلۇق تۈركىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، قارا دېڭىز بويىدىكى ئىككى كىچىك پورتنى ئازاد قىلغان ھەمدە ستېلەنكا جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. ئەمما ناھايىتى تېزلىكتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، جۇمھۇرىيەت پەقەت 26 كۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندىن كېيىن مۇنقەرز بولغان، نەچچە ئونلىغان يېزا-كەنتلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان ۋە كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، 2200 نەپەر ئاھالە ئۆلتۈرۈلگەن، 20 مىڭ كىشى بۇلغارىيىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانغان.

پسامېتىكⅠ

  • پسامېتىكⅠ[يەشمىسى:]PsametikⅠ ياكى Psammetichos Ⅰ) قەدىمكى مىسىر 26-سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋىنى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 664—610). ئەسلىدە نىل دەرياسى دېلتىسىدىكى سائىس (Sais) شەھىرىنىڭ پادىشاھى. يۇنان ياللانما قوشۇنىنىڭ ياردىمىدە ئاسسۇرىيە ئىشغالىيەتچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، مىسىرنى يېڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 26-سۇلالە («سائىس سۇلالىسى») نى قۇرۇپ، سائىسنى پايتەخت قىلغان ۋە تارىختا مىسىرنى «گۈللەندۈرگۈچى» دەپ ئاتالغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە يۇنانلىق سودىگەرلەرنى قوغدىغان ۋە يۇنان بىلەن بولغان سودا، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى زىچلاشتۇغان. ئاسسۇرىيە بىلەن بىرلىشىپ يېڭى بابىلونغا زەربە بېرىش سىياسىتىنى قوللانغان؛ مىلادىدىن 616 يىل ئىلگىرى ئېفرات دەرياسىنىڭ يېنىغا قوشۇن باشلاپ بېرىپ، ئاسسۇرىيىنى قۇتۇلدۇرغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى، يەنى نېچو Ⅱ تەختكە چىققان.

پىسكوۋ فېئودال جۇمھۇرىيىتى

  • پىسكوۋ فېئودال جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:] ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ⅩⅣ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە غەربىي شىمالىي روسىيىدە ھۆكۈم سۈرگەن فېئودال دۆلەت. پىسكوۋ شەھىرىنى مەركەز قىلغانلىقتىن، مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. مىلادى Ⅹ ئەسىرنىڭ بېشىدىن ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە نوۋوگورودقا تەۋە بولغان. بالتىق دېڭىزىنىڭ بويى بىلەن كېيىۋ روسىيىسىنىڭ ئارىسىدىكى مۇھىم قاتناش يولىغا جايلاشقان بولۇپ، سودا مەركىزى بولغان. Ⅻ ئەسىردىن باشلاپ گۈللىنىپ، قول سانائەت ۋە سودا تەرەققىي قىلغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل بولغان، 1348-يىلى نوۋوگورود جۇمھۇرىيىتىدىن رەسمىي ئايرىلغان. 1510-يىلى بۈيۈك موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ كىنەزى ۋاسىلىي Ⅲ تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان.

پفالز

  • پفالز[يەشمىسى:]Pfalz، ئىنگلىزچە Palatinate)، ئوتتۇرا ئەسىردە گېرمانىيە زېمىنىدىكى بىر كىنەزلىك بولۇپ، تەخمىنەن ⅩⅡ ئەسىردە بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ كىنەزى پفالز گرافى دېگەن ئۇنۋانغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، پفالز گرافلىقى دەپمۇ ئاتالغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پفالز گرافى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى بېگىگە ئايلانغان. پفالزنىڭ زېمىنى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن: يۇقىرى پفالز يەنى رېين پفالز مائىن (Main) دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا، رېين دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان؛ تۆۋەن پفالز باۋارىيە كىنەزلىكىنىڭ شەرقىگە، ئامبېرگ (Amberg) ۋە رېگېنسبېرگ (Regensberg) نىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا جايلاشقان. شۇڭا يۇقىرى، تۆۋەن پفالز جۇغراپىيە جەھەتتە ئۆزئارا تۇتاش ئەمەس. 1619-يىلى پفالزنىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى بېگى فرېدرىخ Ⅴ چېخىيە كورۇللىقىغا سايلىنىپ، 30 يىللىق ئۇرۇش (1618 - 1648) قا چېتىلغان. 1620-يىلى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، پفالز ئىسپانىيىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان. 1623-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى فرېدرىخ Ⅴ نىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى بەگلىك ئۇنۋانىنى تارتىۋېلىپ، بۇ ئۇنۋاننى باۋارىيە كىنەزىگە بەرگەن. فرېدرىخ Ⅴ نىڭ ئوغلى چارلېس 1648-يىلى «ۋېستفالىيە سۈلھ شەرتنامىسى» غا ئاساسەن، تۆۋەن پفالزغا قايتىدىن ئىگە بولغان. 

پفالز گرافى

  • پفالز گرافى[يەشمىسى:]ئەسلىدە فرانكىيە دۆلىتىنىڭ كورۇل ئوردىسىدىكى ئەمەل نامى. Ⅹ ئەسىردىن باشلاپ، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى لوررائېن، ساكسونىيە، شۋابېن ۋە باۋارىيە قاتارلىق جايلارغا پفالز گرافى (Pfalzgraf) ئەۋەتىپ، ئاساسەن شۇ جاينىڭ ئەدلىيە ئىشلىرىنى ئىدارە قىلغان. كېيىن فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بەزى جايلارنىڭ پفالز گرافلىقى مىراس قالىدىغان ئەمەلگە ئايلانغان.

پلات تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى

  • پلات تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى[يەشمىسى:]ئامېرىكا كۇبانىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مەجلىسىگە مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرغان قۇل قىلىش خاراكتېرلىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى. 1901-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى كۇبا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى پلات (Orvelle Hitchcock Platt، 1827 - 1905) ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: كۇبا ئامېرىكىنىڭ رۇخسىتىسىز چەت ئەللەر بىلەن شەرتنامە ئىمزالىمايدۇ ياكى پۇل قەرز ئالمايدۇ؛ ئامېرىكا كۇبادا ھەربىي پورت ياساش، كۆمۈر قاچىلاش پونكىتىنى ۋە دېڭىز ئارمىيە بازىسى قاتارلىقلارنى ئىجارىگە ئېلىشقا ھوقۇقلۇق دېگەنلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، كۇبا بۇ لايىھىنى قوبۇل قىلىشقا، ئۇنى كۇبا ئاساسىي قانۇنىغا قوشۇمچە قىلىپ كىرگۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. كۇبا خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى تۈپەيلىدىن، ئامېرىكا 1934-يىلى مەزكۇر تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئەمما ئۆزىنىڭ كۇبانىڭ گۇەنتانامودىكى ھەربىي بازىسىنى ساقلاپ قالغان. 

پلاتېئا

  • پلاتېئا[يەشمىسى:]Plataea ياكى Plataeae) قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ بۇئىئوتىيا (Boeotia) چېگرىسى ئىچىدىكى بىر شەھەر. تېبېسلىقلار ياسىغان دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئاسۇپۇس (Asopus) دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا، تېبېس (شىمالى) ۋە ئافىنا (جەنۇبى) نىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. دەسلەپتە بۇئىئوتىيا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ، ئافىنانىڭ ھامىيلىقىنى قوبۇل قىلغان. مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى ئافىناغا 1000 ئەسكەر تەييارلاپ بېرىپ پېرسىيىگە قارشى مارافون ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۈچىنچى قېتىملىق گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشىدا شېرىشېس شاھ گرېتسىيىگە بېسىپ كىرگەندە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. مىلادىدىن 479 يىل ئىلگىرى سپارتا قوماندانى پائۇسانى (Pausanias) قوماندانلىقىدىكى گرېتسىيە ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى مۇشۇ جايدا ماردونىئۇس (Mardonius) يېتەكچىلىكىدىكى پېرسىيە قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، گرېتسىيە غەلىبىسىنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ شەھەر تاجاۋۇز قىلغىلى بولمايدىغان شەھەر دەپ ئاتىلىپ (پائۇسانى قاتارلىقلار ئۇنى قوغداشقا قەسەم ئىچىشكەن)، گرېتسىيىلىكلەرنىڭ ھالاك بولغۇچىلارغا نەزىر-چىراغ (Eleutheria) ئۆتكۈزىدىغان ئورنىغا ئايلانغان. پېلوپوننېس ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا سپارتا تەرىپىدىن تۈپتۈز قىلىۋېتىلگەن (مىلادىدىن 427 يىل ئىلگىرى). كېيىن قايتىدىن ياسالغان. 

پلاسسېي جېڭى

  • پلاسسېي جېڭى[يەشمىسى:]ئەنگلىيە ھىندىستاننىڭ بېنگال ئۆلكىسىنى ئىشغال قىلىۋالغان جەڭ. پلاسسېي (Plassey) كالكوتتىنىڭ شىمالىدىن 83 كىلومېتر يىراقلىققا جايلاشقان. 1757-يىل 6-ئاينىڭ 23-كۈنى، كلىۋې قوماندانلىقىدىكى 3000 كىشىلىك ئەنگلىيە قوشۇنى بېنگالنىڭ ھۆكۈمرانى سىراج-ئۇددائۇلا قوماندانلىق قىلغان 18 مىڭ ئاتلىق ئەسكەر ۋە 50 مىڭ پىيادە ئەسكەردىن تەركىب تاپقان قوشۇن بىلەن مۇشۇ يەردە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. بېنگال ھىندىستان قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى مىر جافار جەڭدىن بۇرۇن ئەنگلىيىلىكلەرگە سېتىلىپ، جەڭ باشلانغاندا قىمىرلىماي تۇرۇۋالغانلىقتىن، ھىندىستان قوشۇنى كلىۋې تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. بۇ جەڭ ھىندىستاننىڭ ئەنگلىيىگە مۇستەملىكە بولۇپ قېلىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پلانك

  • پلانك[يەشمىسى:]Max Planck، 1858 - 1947)، گېرمانىيىلىك فىزىك. كىلدا تۇغۇلغان. 1879-يىلى ميۇنخېن داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1885-يىلى كىل داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1892-يىلى بېرلىن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1900-يىلى «كۋانت قىياسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۋانت نەزەرىيىسىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئىسسىقلىق دېنامىكىسى ۋە ستاتىستىكا فىزىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردە، مەسىلەن: ئىسسىقلىق دىنامىكىسىنىڭ قائىدىلىرىنى بايان قىلىش، غەيرىي باراۋەرلىك ھالىتى نەزەرىيىسى قاتارلىقلاردا مۇھىم تۆھپە قوشقان. كۋانت قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن، 1918-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1928-يىلىدىن باشلاپ پرۇسسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۆمۈرۋايەتلىك لىشىسى بولغان. 7391 - 0391-يىللار ۋە 1945 - 1946-يىللاردا «ۋېلھېلم پادىشاھلىق ئىلىم-پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى» (يەنى ھازىرقى ماكس پلانك جەمئىيىتى)نىڭ باشلىقى بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا گيوتتىنگېن (Gottingen) دا تۇرغان. 

پلائۇتۇس

  • پلائۇتۇس[يەشمىسى:]Titus Maccius Plautus، تەخمىنەن مىلادى 184 - 254) قەدىمكى رىمنىڭ كومېدىيە يازغۇچىسى. ئىتالىيىدىكى سارسىنا (Sarsina) دېگەن جايدا تۇغۇلغان، ئائىلىسى ناھايىتى نامرات ئۆتكەن. دەسلەپتە رىم تىياتىرخانىلىرىدا قوشۇمچە روللارغا چىققان، كېيىن سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ دەسمايىسىنىمۇ يەپ بولغان. بىر مەھەل مەدىكارچىلىق بىلەن جان باققان. رىم تىياتىرخانىلىرىغا قايتىپ كېلىپ دراما يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە يۇنانچە كومېدىيىلەرنى لاتىنچىغا تەرجىمە قىلغان. ئېيتىلىشىچە كۆپ مەھسۇلاتلىق يازغۇچى بولسىمۇ، ھازىر پەقەت «ئانفېتىلۇئى»، «خىجىل بولماي پو ئاتىدىغان جەڭچى»، «ئەسىر»، «ئالۋاستى ئۆيى» قاتارلىق 21 پارچىلا ئەسىرى ساقلىنىپ قالغان. سۇژىت ۋە ئۇسلۇبتا كۆپىنچە يۇنان كومېدىيە يازغۇچىسى مېناندروسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ۋەقەلىك بەك ئۇزۇن، تىلى جانلىق ۋە قىزىقارلىق، بەزىدە يەرلىك شېۋە لەھجىلىرى ئارىلاشتۇرۇلغان، يۇمۇر ئىچىدە ئانچە-مۇنچە قوپاللىق بار. ئاساسەن شەھەر پۇقرالىرىنىڭ كۆز قاراش ۋە قىزىقىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، بەزى يىرگىنچلىك ئىجتىمائىي ھادىسىلەر، مەسىلەن: چوڭ ئەمەلدارلارنىڭ كەيپ-ساپالىق تۇرمۇشى، جازانىخورلارنىڭ تويماسلىقى قاتارلىقلارنى قاتتىق مەسخىرە قىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كېيىنكى زامان كومېدىيىسىنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. 

پلوتىنوس

  • پلوتىنوس[يەشمىسى:]Plotinos ياكى Plotinus، تەخمىنەن 072 - 502) قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى پەيلاسوپ، يېڭى ئەپلاتونچىلار ئىلمىي ئېقىمىنىڭ ئاساسچىسى. يۇنانلىق، مىسىرنىڭ لىكوپولىس (Lycopolis) دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئىش-پائالىيەتلىرى شاگىرتى پورفىرى (Porphyry) تەرىپىدىن تارقىتىلىپ ساقلاپ قېلىنغان. 93 - 82 يېشىغىچە ئالېكساندرىيىدە ئاممۇنىئۇس ساككاس (Ammonius Saccas) قا شاگىرت بولۇپ، پەلسەپە ئۆگەنگەن (بەزىلەرنىڭ قارىشىچە ساككاس يېڭى پلاتونچىلارنىڭ بوۋىسى ئىكەن). تەخمىنەن مىلادى 242-يىلى رىم ئىمپېراتورى گوردىئانوس Ⅲ (Gordianos Ⅲ) پېرسىيىگە يۈرۈش قىلغاندا، شەرقنىڭ دىنىي پەلسەپىسى بىلەن تونۇشۇش مەقسىتىدە بىللە بارغان (ئىمپېراتور ئۆلتۈرۈلگەن). تەخمىنەن 245-يىلى رىمدا ئولتۇراقلىشىپ، پەلسەپە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن؛ ھۆكۈمرانلار (ئىمپېراتور، خانىكە) نىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشىپ، ئىتالىيىدىكى كامپانىيىدە كەڭ كۆلەملىك ئېتىزغا ئىگە بولغان. كامپانىيىنىڭ پۇتئولى (Puteoli) دېگەن جايىدا ئۆلگەن. ئۇنىڭ ئىدېئالىستىك كۆز قارىشى، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا شەرق دىنىي ئىلاھىيىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ئەپلاتوننىڭ «ئىدىيە نەزەرىيىسى» ۋە «روھ تەلىماتى» نى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سىرلىقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى پورفىرى تەرىپىدىن 6 پارچە «ئېننېئادىس (Enneads)» ناملىق ئەسەر قىلىپ رەتلەنگەن؛ ھەربىرى 9 بابلىق (جەمئىي 54 باب) بولغانلىقتىن، يەنە «9 بابلىق توپلام» دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ ئىدىيە دۇنياسىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئەڭ ئالىي ئىدىيە «ئەڭ بىرىنچى» (گرېكچە tohen) بولۇپ، بىر خىل سىرلىق روھىي گەۋدە (يەنى ئىلاھ) دىن ئىبارەت، دەپ قارىغان. ئۇ «ئەڭ بىرىنچى» مۇتلەق بىرلىككە ئىگە بولۇپ، تولۇق ۋە مۇكەممەلدۇر، تىل-يېزىقتا ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ؛ «ئەڭ بىرىنچى» مەۋجۇدىيەتتىن ھالقىغان بولىدۇ، ئەمما ئۇ كائىناتنىڭ مەنبەسى بولۇپ، كائىنات ئۇنىڭدىن «تېشىپ چىققان» ياكى «ئېقىپ چىققان»؛ «ئەڭ بىرىنچى» ئالدى بىلەن «ئەقلىيلىك» (ئەقىل) تىن «تېشىپ چىقىدۇ»، ئەقلىيلىكتىن روھ تۇغۇلىدۇ، روھتىن ماددىي دۇنيا تۇغۇلىدۇ؛ تۇغۇلغۇچىلار مەڭگۈ تۇغقۇچىلارنىڭ ئاستىدا تۇرىدۇ، ئالەمدىكى ھەممە نەرسە «ئەڭ بىرىنچى» نىڭ ئاستىدا تۇرىدۇ؛ ماددا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك بولۇپ، جىنايەتنىڭ مەنبەسىدۇر؛ كىشىلەر ماددىي ھەۋەستىن ئۆزىنى تارتىپ، بىۋاسىتە سېزىمى ئارقىلىق «ئەڭ بىرىنچى» بىلەن ئۇيغۇنلىشىشى لازىم دېگەن. ئۇ بەرپا قىلغان «يېڭى ئەپلاتونىزم» رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ كېيىنكى دەۋرىدە، بولۇپمۇ دەسلەپكى مەزگىللىك خرىستىئان دىنىنىڭ پوپ پەلسەپىسى (مەسىلەن: مۇقەددەس ئاۋگۇستىن) گە خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن.

پلومبيېرېس كېلىشىمى

  • پلومبيېرېس كېلىشىمى[يەشمىسى:]فرانسىيە بىلەن ساردېگنا كورۇللۇقى تۈزگەن ئاۋسترىيىگە قارشى ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى. 1858-يىلى 7-ئايدا فرانسىيە ئىككىنچى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ناپولېئون Ⅲ بىلەن ساردېگنا كورۇللۇقىنىڭ باش ۋەزىرى كاۋوئۇر فرانسىيىنىڭ يازدا ئىستراھەت قىلىدىغان مەنزىرىلىك جايى پلومبيېرېس (plombières) تا مەخپىي ئۇچراشقان ھەمدە شۇ ئاينىڭ 21-كۈنى شەرتنامە ئىمزالىغان. شەرتنامىدە فرانسىيىنىڭ قوشۇن ئەۋەتىپ ساردېگنا كورۇللۇقىنىڭ ئاۋسترىيىنى لومباردىيە بىلەن ۋېنىتسىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى، بۇ ئىككى جاينىڭ ساردېگنا كورۇللۇقىغا قوشۇۋېتىلىدىغانلىقى؛ بۇنىڭ ھەققىگە ساردېگنا كورۇللۇقىنىڭ ساۋوئىيە بىلەن نىسنى فرانسىيىگە كېسىپ بېرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئەمما 1859-يىلقى ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشتا، ناپولېئون Ⅲ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىققان ۋە ئۆز ئالدىغا ئاۋسترىيە بىلەن سۈلھ قىلىشقان؛ ئاۋسترىيە لومباردىيىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنى فرانسىيە ئارقىلىق ساردېگنا كورۇللۇقىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن؛ ۋېنىتسىيە يەنىلا ئاۋسترىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا قالغان؛ ئەسلىدە ساردېگنا كورۇللۇقىغا تەۋە بولغان ساۋوئىيە بىلەن نىس شۇنىڭدىن باشلاپ فرانسىيىگە قوشۇۋېتىلگەن. 

پلۇتاركوس

  • پلۇتاركوس[يەشمىسى:]Ploutarchos، تەخمىنەن 021 - 64) قەدىمكى يۇنانلىق تەرجىمىھال يازغۇچى، نەسرىي ئەسەر يازغۇچى. بۇ ئېئوتىيىنىڭ كېرونېيا (chaeronea)دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. دادىسى ئارىستو بۇلۇس (Aristobulus) تەرجىمىھال يازغۇچى ۋە پەيلاسوپ. ئۇ كىچىكىدە ئائىلىسىدە تەربىيىلەنگەن، كېيىن ئافېنادا ئوقۇپ، ئاتاقلىق ئۇستاز ئاممونىئۇس (Ammonius) تىن تەلىم ئېلىپ، ستىلىستىكا، ماتېماتىكا، پەلسەپە، مېدىتسىنا، تارىخشۇناسلىق قاتارلىقلارنى ئۆگەنگەن. يۇناندىكى تارىخىي ئاتاقلىق شەھەرلەر مىسىر، كىچىك ئاسىيا ۋە ئىتالىيە قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلىپ، تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلىغان. يەنە رىمغا بېرىپ پەلسەپەدىن دەرس ئۆتكەن. ئېيتىلىشچە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ رىم ئىمپېراتورلىرى تراجانۇس، خادرىيانۇسلارغا دەرس ئۆتۈپ، ئالدىنقىسى تەرىپىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ئەمەلدارلىق پەخرىي نام بېرىلگەن، كېيىنكىسى تەرىپىدىن يۇناننىڭ مالىيە نازارەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن. كېيىن يۇنانغا قايتىپ كېلىپ، ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنداقلا كرونېينىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارلىقىنى ئۆتىگەن ھەمدە دىلفې ئاپوللو ئىبادەتخانىسىنىڭ كاھىنى بولغان. يازغان ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئوغلى لامپرىياس (Lamprias) تۈزگەن مۇندەرىجىگە قارىغاندا 227 دىن ئاشىدىكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ تولىسى يوقىلىپ كەتكەن. ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالغان ئەسەرلىرى كېيىنكىلەر تەرىپىدىن ئىككى توپلام قىلىپ رەتلەنگەن: ئۇنىڭ بىرى «يۇنان ۋە رىمدىكى ئاتاقلىق كىشىلەرنىڭ تەرجىمىھالى» بولۇپ، يۇنان بىلەن رىمدىكى ئاتاقلىق كىشىلەرنىڭ تەرجىمىھالىدىن 50 پارچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇ ياۋروپا تەرجىمىھال ئەدەبىياتىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، قەدىمكى يۇنان، رىم تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى مۇھىم ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن، كېيىن نۇرغۇن شائىرلار ۋە تارىخىي دراما يازغۇچىلار ئۇنىڭدىن سۇژىت ئالغان. يەنە بىرى «ئەخلاق توغرىسىدا» دا مائارىپ، ئەخلاق، دىن تارىخى قاتارلىق ماقالىلەردىن 60 نەچچە پارچە بولۇپ، يۇنان ئەسەرلىرىدىن كۆپلىگەن دەلىللەر كەلتۈرۈلگەن، ئەدەبىيات تارىخى ماتېرىيالى بولۇش قىممىتىگە ئىگە. 

پلېخانوۋ

  • پلېخانوۋ[يەشمىسى:]Георгий Валентинович Плеханов، 8191 - 6581)، روسىيىنىڭ ئەڭ بالدۇرقى ماركسىزمچىلىرىنىڭ بىرى، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئەربابى ۋە نەزەرىيىچىسى، كېيىن مىنشېۋېكلار ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئاغمىچىلىرىنىڭ كاتتىباشلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. ئۇششاق ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1873-يىلى كونستانتىنوۋ ھەربىي مەكتىپىگە كىرگەن، ئىككىنچى يىلى پېتېربۇرگ كانچىلىق ئىنستىتۇتىغا يۆتكىلىپ ئوقۇغان. 1875-يىلى نارودنىكلار ۋە پېتېربۇرگ ئىشچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. 1876-يىلى ئوقۇشتىن توختاشقا مەجبۇر بولغان. شۇ يىلى 12-ئايدا پېتېربۇرگ قازان چېركاۋسى مەيدانىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئاممىۋى نامايىشقا رەھبەرلىك قىلىپ، كەسپىي ئىنقىلابچىغا ئايلانغان ھەمدە نارودنىكلارنىڭ «ئاسىيلار» گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، «خەلق ئارىسىغا بېرىش» ھەرىكىتىگە ئاتلانغان.1878-يىلى «يەر ۋە ئەركىنلىك» نىڭ تەھرىرى بولغان. ئىككىنچى يىلى نارودنىكلار «خەلق ئىرادىسى پارتىيىسى» بىلەن «قارا يەرنى قايتىدىن تەقسىم قىلىش پارتىيىسى» گە پارچىلانغاندا، كېيىنكىسىنىڭ يولباشچىسىغا ئايلانغان. 1880-يىلىدىن باشلاپ شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە 37 يىل مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. شۋېتسارىيىدە ماركسىزم نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلغان؛ ئېنگېلس بىلەن ئالاقە ئورناتقان؛ غەربىي ياۋروپا ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن تونۇشقان؛ نارودنىكلىقنى تەدرىجىي تاشلاپ، ماركسىزمنىڭ تەشۋىقاتچىسىغا ئايلانغان. 1883-يىلى روسىيىدىكى تۇنجى ماركسىزملىق تەشكىلات «ئەمگەكنى ئازاد قىلىش جەمئىيىتى» نى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، نارودنىكلارنىڭ خاتا نۇقتىئىنەزەرلىرىنى تەنقىد قىلغان. 1889-يىلى 7-ئايدا روسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تەشكىللەپ، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتناشقان، كېيىن ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىگە كۆپ يىل قاتناشقان. 3091 - 0091-يىللاردا لېنىن بىلەن بىرلىكتە «ئىسكرا» ۋە «تاڭ نۇرى» ژۇرنىلىغا رەھبەرلىك قىلغان، بۇ جەرياندا لېنىن بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا بىرقانچە قېتىم ئېغىر ئىختىلاپ يۈز بەرگەن. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال-دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، سىياسىي جەھەتتە كۈنسايىن ئوڭچىللىشىپ، ئاخىرى چۈشكۈنلىشىپ مىنشېۋىككە ئايلىنىپ كەتكەن. 1905-يىلقى روسىيە ئىنقىلابىدا، ئەركىن بۇرژۇئازىيە مەيدانىدا تۇرۇپ دېكابر قوراللىق قوزغىلىڭىنى ئەيىبلىگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوتسىيال شوۋېنىزمچىغا ئايلانغان. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن ۋە روسىيىنىڭ ئىقتىسادىي قالاق دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىغا قارشى تۇرغان. 1918-يىلى فىنلاندىيىدە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ «سوتسىيالىزم ۋە سىياسىي كۈرەش»، «بىزنىڭ ئىختىلاپلىرىمىز»، «بىر مەنبەلىك تارىخى قاراشنىڭ تەرەققىياتى مەسىلىسى ھەققىدە»، «شەخسنىڭ تارىختىكى رولى مەسىلىسى ھەققىدە»، «سەنئەت توغرىسىدا» (يەنە بىر نامى«ئادرېسسىزخەت») قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى «پلېخانوۋ ئەسەرلىرى» ۋە باشقا كۆپ خىل مەخسۇس توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. لېنىن ئۇنىڭ 3091 - 3881-يىللاردا يازغان ئەسەرلىرىنى «پۈتكۈل خەلقئارادىكى ماركسىزملىق ھۈججەتلەر ئىچىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەردۇر» دەپ تەرىپلىگەن.

پلېۋې

  • پلېۋې[يەشمىسى:]Вячеслав Константинович Плеве، 4091 - 6481)، روسىيىلىك سىياسەتۋاز. 1867-يىلى پېتېربۇرگ داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1881-يىلىدىن باشلاپ باش ئوخرانكىنىڭ باشلىقى بولغان. 1884 - 1894-يىللاردا زوراغا ۋە مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1899-يىلى فېنلاندىيە ئىشلىرى ۋەزىرى، مەھكىمە باشلىقى بولۇپ، رۇسلاشتۇرۇشنى مەجبۇرىي يولغا قويغان. 4091 - 2091-يىللاردا ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى، قوشۇمچە ژاندارما قوماندانى بولۇپ، ئىشچى-دېھقانلار ھەرىكىتىنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇپ، ئىنقىلابچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان. ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى جېنىنىڭ بارىچە تەرغىپ قىلغان. 1904-يىلى 7-ئايدا سوتسىيال ئىنقىلابچىلار تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان.

پلېۋېن پىلانى

  • پلېۋېن پىلانى[يەشمىسى:]فرانسىيە غەربىي ياۋروپانىڭ ھەربىي ئىتتىپاقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەكلىپ قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان پىلان. 1950-يىلى كۈزدە، فرانكفورتتا ئېچىلغان ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ئۈچ دۆلەت يىغىنى ۋە ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 12 دۆلەت مىنىستىرلار يىغىنىدا «ياۋروپا ئارمىيىسى» نى قۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. 10-ئاينىڭ 24-كۈنى فرانسىيە زۇڭلىسى پلېۋېن (René Pleven، - 1091) ئىتتىپاق گېرمانىيىسىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە ئارمىيىگە ئىگە بولماسلىقى، ئەمما «ياۋروپا ئارمىيىسى» دە ئاز ساندا ئىتتىپاق گېرمانىيىسىنىڭ قوشۇنى بولۇشى بەلگىلەنگەن بىر پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان. 1954-يىلى 10-ئايدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتتىپاق گېرمانىيىسى، ئىتالىيە، كانادا، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليوكسىمبۇرگ قاتارلىق دۆلەتلەر «پارىژ كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، ئىتتىپاق گېرمانىيىسىگە بولغان ئىشغالىيەتنى ئاياغلاشتۇرۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى دائىرىسىدىكى غەربىي ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قۇرۇش، ئىتتىپاق گېرمانىيىسىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا قاتناشتۇرۇش قاتارلىقلارنى بەلگىلىگەن. 1955-يىلى 5-ئايدا «پارىژ كېلىشىمى» كۈچكە ئىگە بولۇپ، غەربىي ياۋروپا ئىتتىپاقى رەسمىي قۇرۇلغان.

پلىنىئۇس

  • پلىنىئۇس[يەشمىسى:]1) چوڭ پلىنىئۇس (Gaius Plinius Secundus، 97 - 32)، قەدىمكى رىم يازغۇچىسى. ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى كومۇم (Comum، ھازىرقى كومو Como -) دا، بىر رىتسار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا رىمدا تەلىم ئېلىپ، ئاقلىغۇچى بولغان. كېيىن گېرمانىيە، ئىسپانىيە، گاللىيە ۋە ئافرىقا قاتارلىق جايلاردا ھەربىي خىزمەت ئۆتەپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار بولغان. ئىمپېراتور ۋېسپاسىئانۇس تەرىپىدىن دېڭىز فلوتىنىڭ باش بوغلىقىغا تەيىنلىنىپ، كامپانىيىنىڭ مىسېنۇم (Misenum) دېگەن جايىنى ساقلىغان. مىلادى 79-يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋېسۇۋى يانار تېغى پارتلىغاندا كېمە بىلەن نېئاپول قولتۇقىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا بېرىپ كۆزەتكەن ھەمدە قۇتقۇزۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندا زەھەرلىنىپ، تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن. پەلسەپە، تارىخ، ستىلىستىكا قاتارلىق كۆپ خىل ئەسەرلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن پەقەت قامۇس شەكلىدىكى 37 توملۇق ئەسەر - «تەبىئەت تارىخى» لا ساقلىنىپ قالغان، ئۇ بىئولوگىيە، ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، مېتالچىلىق، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، تىببىي دورىلار، سەنئەت قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قەدىمكى رىم ئىلىم-پەن تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ھۈججەت ھېسابلىنىدۇ.(2)كىچىك پلىنىئۇس (Gaius Plinius Caecilius Secundus، مىلادى 61-ياكى 62-يىلدىن مىلادى تەخمىنەن 113-يىلغىچە)، قەدىمكى رىمنىڭ نەسرىي ئەسەر يازغۇچىسى. چوڭ پلىنىئۇسنىڭ جىيەنى ۋە بېقىۋالغان ئوغلى. كۈئىنتىلىياندىن ستىلىستىكا ئۆگەنگەن. مىلادى 93-يىلى باش سودىيىلىككە تەيىنلەنگەن. كېيىن ئىمپېراتور ترايانۇسنىڭ ئىشەنچسىگە ئېرىشىپ، 100-يىلى ئارخونلىققا تەيىنلەنگەن، 112-يىلى بىتىنىيە (Bithynia، كىچىك ئاسىيادا) نىڭ باش ۋالىيسى بولغان. ترايانۇسقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن «مەدھىيە» دېگەن ئەسىرىنى يازغان. ھازىر ساقلىنىۋاتقان 13 توملۇق «خەت-چەكلەر توپلىمى» 300 پارچىدىن ئارتۇق خەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، راۋان يېزىلغان. ئۇنىڭدىكى ترايانۇس بىلەن خرىستىئان دىنىنىڭ مۇرىتلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە يېزىشقان خەتلىرى، دەسلەپكى خرىستىئان دىنىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

پوپچىلىق

  • پوپچىلىق[يەشمىسى:]پوپچىلىق پەلسەپىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىلادى Ⅷ - Ⅱ ئەسىرلەردە خرىستىئان ئاقساقاللىرى كەشپ قىلغان تەلىمات. ئاساسەن ئىلاھىيەت ۋە يۇنان رىم ئىدېئالىزمىنى تەتقىق قىلىدىغان پەلسەپە بولۇپ، خرىستىئان ئەقىدىلىرى، مەسىلەن، ئۈچ بىر گەۋدە تەلىماتى، دۇنيانىڭ يارىتىلىش تەلىماتى، تۇنجى گۇناھ تەلىماتى، باقىي ئالەم جازاسى تەلىماتى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلغان ۋە بايان قىلغان. بۇ تەلىمات ماتېرىيالىزمغا ۋە پەنگە قارشى تۇرىدۇ، ئۇ مەدرىس پەلسەپىسىنىڭ باشلانمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پوپ لاشېز قەبرىستانلىقى

  • پوپ لاشېز قەبرىستانلىقى[يەشمىسى:]فرانسىيىدىكى پارىژ شەھىرىنىڭ شەرقىي ئەتراپىدىكى قەبرىستانلىق. لاشېز (La Chaise، 9071 - 4261) ئىيېزۇئىت ئىدى. ئۇ 1675-يىلى كورۇل ليۇدوۋىك ⅩⅣ نىڭ پۇشايمانلىرىنى ئاڭلايدىغان پوپ بولغان. ئۇ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىنىي ئىشلار چوڭ ھوقۇقىنى ئىلگىرى-كېيىن 34 يىل ئىگىلەپ، چوڭقۇر ئىشەنچىگە ئىگە بولغان. كېيىن ئۇنىڭغا پارىژ شەھىرىنىڭ شەرقىي ئەتراپىدىكى ھەشىمەتلىك بىر داچا ئىنئام قىلىپ بېرىلگەن، 1804-يىلى داچا قەبرىستانلىققا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئۈچۈن پوپ لاشېز قەبرىستانلىقى دەپ ئاتالغان. 1871-يىلى پارىژ كوممۇنىسى جەڭچىلىرى بۇ جايدا ئاخىرقى قېتىم قانلىق جەڭ ئېلىپ بارغان (كېيىنكىلەر قەبرىستانلىقتىكى بىر تامغا «1871-يىلى 21- 28-مايدىكى كوممۇنىنىڭ قۇربانلىرىغا بېغىشلايمىز» دېگەن سۆزنى ئويۇپ قويغان). «كوممۇنا ئەزالىرى تېمى» غا قاراڭ.

پوتتىئېر

  • پوتتىئېر[يەشمىسى:]Eugène Edmond Pottier، 7881 - 6181)، فرانسىيىلىك ئىنقىلابىي شائىر، «ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى» نىڭ تېكىستىنى يازغۇچى. بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئەزاسى، 1871-يىلى پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ھەيئىتى بولغان. ئوراپ-قاچىلاش ئىشچىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، قەغەز دۇكىنىنىڭ خادىمى، گۈللۈك رەخت گۈل نۇسخىسىنى سىزغۇچى ئىشچى بولغان. ئون تۆت يېشىدىلا تۇنجى شېئىرى«ياشىسۇن ئەركىنلىك!» نى ئىجاد قىلغان. 1848-يىلى ئىيۇن قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1870-يىلى 3-ئايدا گۈللۈك رەخت گۈل نۇسخىسىنى سىزغۇچى ئىشچىلارنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللىگەن ھەمدە ئۇنىڭغا رەئىس بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا كىرگەن. 4-سېنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، 20-رايون مەركىزىي كومىتېتى ۋە مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى بولغان. 1871-يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنى كوممۇنىنىڭ ھەيئەتلىكىگە تولۇقلاپ سايلانغان، كېيىن ئىجتىمائىي مۇلازىمەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. «ماي قانلىق ھەپتىسى» دىكى بارىكادا ئۇرۇشىغا ئاكتىپ قاتناشقان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 6-ئايدا تاغۇ-دەريالارنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان «ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى» نىڭ تېكىستىنى يازغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيە، ئامېرىكىلاردا قاچاق بولۇپ تۇرغان ۋە سىرتىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1880-يىلى چوڭ كەچۈرۈمدىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ، فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرىپ، ئىنقىلابىي ناخشىلار ئىجادىيىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ «ئىنقىلابىي شېئىرلار توپلىمى» بار.

پوتسىدام ئاخباراتى

  • پوتسىدام ئاخباراتى[يەشمىسى:]تولۇق ئاتىلىشى «جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پوتسىدام ئاخباراتى»، «پوتسىدام خىتابنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1945-يىل 7-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت پوتسىدام يىغىنىدا ئېلان قىلغان، ئامېرىكا يېزىپ چىققان، ئەنگلىيە قوشۇلغان، جۇڭگو قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان. پۈتۈن دۇنياغا رادىئو ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان. سوۋېت ئىتتىپاقى شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى قاتناشقان. جەمئىي 13 ماددا. ئاساسلىق مەزمۇنى: ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ياپونغا قاراتقان ئۇرۇشى ياپونىيىنىڭ قارشىلىقىنى توختاتقانغا قەدەر ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ ياپونىيە ھۆكۈمىتى دەرھال بارلىق قوراللىق قىسىملىرىنىڭ شەرتسىز ھالدا تەسلىم بولغانلىقىنى ئېلان قىلىشى كېرەك؛ «قاھىرە خىتابنامىسى» دىكى شەرتلەر يولغا قويۇلۇشى شەرت، ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى پەقەت خونسىيۇ، خۇككايدۇ، كيوسۇ، سىكوكو ھەمدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بەلگىلەپ بەرگەن ئاراللار دائىرىسىدە چەكلىنىدۇ؛ ئارمىيىسى پۈتۈنلەي قورالسىزلاندۇرۇلىدۇ؛ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى سوتقا تاپشۇرۇلۇپ، ياپون خەلقىنىڭ دېموكراتىيىسىگە پۇتلىكاشاڭ بولغان بارلىق توسالغۇلار يوق قىلىنىدۇ؛ ياپونىيىنىڭ قايتىدىن قوراللىنىپ ئۇرۇش قىلىشىغا ئىمكان بېرىدىغان ھەربىي سانائەتنى يولغا قويۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەقسەتلەر ئەمەلگە ئاشقان ۋە ياپونىيىدە خەلقنىڭ ئىرادىسى بويىچە تىنچلىققا مايىل ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسى ياپونىيىدىن دەرھال چېكىنىپ چىقىدۇ، دېگەنلەردىن ئىبارەت.

پوتسىدام كېلىشىمى

  • پوتسىدام كېلىشىمى[يەشمىسى:]مەزمۇنى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان «بېرلىن (پوتسىدام) يىغىنىنىڭ كېلىشىمى» ۋە «بېرلىن يىغىنىنىڭ ئاخباراتى» دىن ئىبارەت ئىككى ھۈججەتنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. 1945-يىل 8-ئاينىڭ 2-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت پوتسىدام يىغىنىدا ئىمزا قويغان. ئاساسىي مەزمۇنى: جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى تەسىس قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەش ۋە ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدار باشقا مەسىلىلەرنى مەسلىھەتلىشىش؛ گېرمانىيىنى سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت بىرلىكتە ئىشغال قىلىش، گېرمانىيىنى قورالسىزلاندۇرۇپ غەيرىي ھەربىيلەشتۈرۈش، گېرمانىيىنىڭ ھەربىي قورال-ياراق ئىشلەش ئىمكانىيىتى بولغان بارلىق سانائىتىنى يوق قىلىش ياكى تىزگىنلەش؛ ناتسىستلار پارتىيىسى ھەمدە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىكى ۋە نازارەتچىلىكىدىكى ئاپپاراتلارنى بىكار قىلىپ، بارلىق ناتسىستلار تەشكىلاتلىرىنى تارقىتىۋېتىپ، ئۇنىڭ قايتا ئەسلىگە كېلىشىنى مەنئى قىلىش، ناتسىست ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى قولغا ئېلىپ ۋە سوتلاپ، گېرمانىيىنى تىنچلىق دېموكراتىيە يولىنى بويلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ گېرمانىيىنىڭ ئۇرۇش چىقىمى تۆلەش، گېرمانىيە فلوتى ۋە سودا پاراخوتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، گېرمانىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ چېگراسى، ئىتالىيە، رومىنىيە، بۇلغارىيە، ۋېنگرىيە ۋە فىنلاندىيە قاتارلىق بەش دۆلەت بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈش ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەردىن ئىبارەت.

پوتسىدام يىغىنى

  • پوتسىدام يىغىنى[يەشمىسى:]بېرلىن يىغىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1945-يىل 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ستالىن، ترۇمىن، چېرچېلل (كېيىنكى مەزگىلدە ئاتتىلې) ۋە ئۈچ دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى گېرمانىيىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە ياۋروپا شۇنىڭدەك باشقا مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بېرلىننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى پوتسىدامدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن. ئەينى چاغدا ناتسىستلار گېرمانىيىسى تەسلىم بولغان، ياپونىيە مەغلۇپ بولۇش ھارپىسىدا تۇرۇۋاتقان، ھەرقايسى ئەللەر خەلقلىرى فاشىزم كۈچلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان چاغ ئىدى. يىغىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى تەسىس قىلىش، گېرمانىيىنى ئىشغال قىلىشتىكى تۈپ سىياسىي، ئىقتىسادىي پرىنسىپى؛ گېرمانىيىنىڭ ئۇرۇش چىقىمى تۆلەش، پولشانىڭ غەربىي چېگراسى، قارا دېڭىز بوغۇزىنى كونترول قىلىش، ئىتالىيىگە قارىتىلغان سىياسەت، گونسىبورگ رايونىنى ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا «بېرىش»، رومىنىيە، بۇلغارىيە، ۋېنگرىيە ھەم فىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۈرگۈزۈلىدىغان سىياسەت، ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاتنىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، «بېرلىن (پوتسىدام) يىغىنى كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، «بېرلىن يىغىنى ئاخباراتى» نى ئېلان قىلغان. مەزمۇنى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بۇ ئىككى ھۈججەت «پوتسىدام كېلىشىمى» دەپ ئاتالغان. يىغىن جەريانىدا،7-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش توغرىسىدىكى «پوتسىدام ئاخباراتى» نى ئېلان قىلغان.

پوتگېتېر

  • پوتگېتېر[يەشمىسى:]Andries Hendrik Potgieter، 2581 - 2971) بۇر مۇستەملىكىچىسى، چوڭ كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. كاپې مۇستەملىكىسىدە تۇغۇلغان. ئىلگىرى چارۋىچىلىق فېرمىسىنىڭ خوجايىنى بولغان. 1835-يىلى بۇرلارنى باشلاپ ۋات (Vat) دەرياسى بىلەن ۋائال (Vaal) دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى رايونلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، ماتابېلېلار (Matabele) نىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1836-يىلى ۋېكوپ (Vegkop) جېڭىدە 4 - 3 مىڭ ماتابېلېنى قىرغىن قىلغان. 1837-يىلى بۇر ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1838-يىلى ناتالىغا تاجاۋۇز قىلغان بورلارغا ياردەم بەرگەندە زۇلۇلار تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلگەن، كېيىن قوشۇننى باشلاپ ترانسىۋالغا تاجاۋۇز قىلغان ۋە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پوتچېفىستروئوم (Potchefstroom)(1838-يىلى)، ئاندرىس-ئوخرىگىستاد Andries Ohrigstad (1845-يىلى) ۋە سۇتپان سبېرگ (Soutpansberg، 1848-يىلى) قاتارلىق بازىلارنى قۇرغان.

پوتيومكىن

  • پوتيومكىن[يەشمىسى:]Григорий Александрович Потёмкин، 1971 - 9371) روسىيە مارشالى. ئوفىتسېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. گۋاردىيە پولكىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقاندا ئوردىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتنىشىپ، يېكاتېرىنا Ⅱ نى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن. 4771 - 8671-يىللىرىدىكى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. پۇگاچيوۋ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان. كېيىن يېڭى روسىيە، ئازوۋ ۋە ئاستراخان گوبىرنىسىنىڭ گوبىرناتورى بولغان. 1784-يىلى ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى رايونلارنى پائال تۈردە ئېچىپ، دېڭىز ئارمىيىسى ۋە سودا كېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كېڭەيمىچىلىك قىلغان. 1787 - 1791-يىللىرىدىكى روسىيە -تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. ياسى سۈلھ سۆھبىتىدە ئۇشتۇمتۇت ئاغرىپ قېلىپ ئۆلگەن.

پوتيومكىن ناملىق پاراخوت قوزغىلىڭى

  • پوتيومكىن ناملىق پاراخوت قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]1905 - 1907-يىللىرىدىكى روسىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە قارا دېڭىز فلوتىنىڭ «پوتيومكىن» ناملىق برونلۇق پاراخوتى ماتروسلىرىنىڭ قوزغىلىڭى. 1905-يىل 6-ئاينىڭ 27-كۈنى پاراخوتتىكى ئوفىتسېرلار ماتروسلارنى سېسىپ قالغان گۆشتىن ئېتىلگەن شورپىنى يېيىشكە زورلىغانلىقتىن قوزغىلاڭ پارتلىغان. ماتروسلار قوراللىنىپ ئەكسىيەتچى ئوفىتسېرلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئىنقىلاب قىزىل بايرىقىنى چىقارغان؛ تورپىدىست ماتيوشېنكونى (7091 - 9781) قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىشقا سايلىغان. ئۇلار پاراخوتنى ئودېسساغا ھەيدەپ كېلىپ، شۇ جايدىكى ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرى بىلەن بىرلەشمەكچى بولغاندا مېنشىۋىكلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان. 7-ئاينىڭ 7-كۈنى پاراخوتنى رومىنىيىنىڭ كونستانتا پورتىغا ھەيدەشكە مەجبۇر بولغان. ئىككىنچى يىلى پاراخوتتىكى ماتروسلارنىڭ ھەممىسى دۆلىتىگە قايتۇرۇلۇپ كېلىنگەن ۋە كۆپلىگەن ماتروسلار ئېغىر جازاغا تارتىلغان. لېنىن بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ چار پادىشاھىنىڭ قۇرۇقلۇق ھەم دېڭىز ئارمىيىسى ئىچىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئىنقىلابىي قوزغىلىش، دەپ قارىغان.

پو دەرياسى

  • پو دەرياسى[يەشمىسى:]Po) قەدىمكى پادوس دەرياسىنىڭ ھازىرقى نامى.

پودگورىكا كېلىشىمى

  • پودگورىكا كېلىشىمى[يەشمىسى:]«ئالبانىيىدىكى 1911-يىلىدىكى قوزغىلاڭ» غا قاراڭ.

پودېبراد

  • پودېبراد[يەشمىسى:]Jiriz Podebrad، 1741 - 0241) چېخ كورۇلى (1741 - 8541). ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. مۇقەددەس رومكىچىلارنىڭ باشلىقى. 1436-يىلى مۇقەددەس رومكىچىلار مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى سىگسىموندنى چېخ كورۇلى دەپ ئېتىراپ قىلغان. 1437-يىلى سىگسىموند ئۆلگەن. 1440-يىلى ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن قىز نەۋرىسى ۋلادىسلاۋ Ⅴ(Vladislav Ⅴ، 7541 - 0441) چېخنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1448-يىلى پودېبراد قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، پراگا شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. 1451-يىلى چېخنىڭ نايىبلىقىنى ئۆتىگەن. 1458-يىلى چېخ كورۇلى بولغان. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، چوڭ ئاقسۆڭەكلەر ۋە كاتولىك چېركاۋىنى چەكلىگەن. 1468-يىلى چوڭ ئاقسۆڭەكلەر پاپانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ۋېنگرىيە كورۇلى مايتا خوللوسنىڭ قوشۇن باشلاپ چېخقا ھۇجۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئىككى تەرەپ كەسكىن كۈرەش قىلىۋاتقاندا پودېبراد ئالەمدىن ئۆتكەن.

پورتۇگالىيە-برازىلىيە-ئالگارۋې بىرلەشمە پادىشاھلىقى

  • پورتۇگالىيە-برازىلىيە-ئالگارۋې بىرلەشمە پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]پورتۇگالىيە خان جەمەتى 1281 - 6181-يىللاردا قۇرغان فېئوداللىق بىرلەشمە پادىشاھلىق. 1807-يىلى فرانسىيە قوشۇنى پورتۇگالىيىگە بېسىپ كىرگەندە، پورتۇگالىيە خان جەمەتى برازىلىيىگە كۆچۈپ كەتكەن. 1815-يىلى 12-ئايدا، پورتۇگالىيە خان جەمەتى برازىلىيىگە ئىمپېرىيە ئىچىدىكى ئاپتونومىيە ئورنىنى بەرگەن. ئىككىنچى يىلى پورتۇگالىيىنىڭ كورۇلىۋاسى مارىيەI(Maria I، 6181 - 4371) ئۆلگەن، ئۇنىڭ ئوغلى يوئاۋ تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، يوئاۋ Ⅵ دەپ ئاتالغان ۋە «پورتۇگالىيە-برازىلىيە-ئالگارۋې (Algarve، پورتۇگالىيىنىڭ جەنۇبىدا، 1249-يىلى ئەرەبلەرنىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋېلىنغان ئۆلكە) بىرلەشمە پادىشاھلىقى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، رىئودې ژانېيرونى پايتەخت قىلغان. برازىلىيە شەكىل جەھەتتە پورتۇگالىيە بىلەن باراۋەرلىك ئورنىدا تۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يەنىلا پورتۇگالىيە خان جەمەتى ۋە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان. 1821-يىلى 4-ئايدا يوئاۋ Ⅵ پورتۇگالىيىگە قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىرلەشمە پادىشاھلىق مەۋجۇت بولۇشتىن قالغان.

پورتۇگالىيە كىنەزلىكى

  • پورتۇگالىيە كىنەزلىكى[يەشمىسى:]ئىبېرىئان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى فېئودال كىنەزلىك. 1095-يىلى قۇرۇلغان، 1139-يىلى پادىشاھلىق دەپ ئۆزگەرتىلگەن. «بۇرگۇندىي سۇلالىسى»غا قاراڭ.

پورتۇگالىيىنىڭ 1910-يىلىدىكى ئىنقىلابى

  • پورتۇگالىيىنىڭ 1910-يىلىدىكى ئىنقىلابى[يەشمىسى:]پورتۇگالىيىنىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرغان بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى. 1910-يىل 10-ئاينىڭ 4-كۈنى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى پايتەختتىكى بىر قىسىم مۇھاپىزەتچى قوشۇنلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ۋە ئىككى ئوكيان چارلاش پاراخوتىدىكى ماتروسلارنىڭ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشكەن. ئەتىسى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەسلىم بولۇپ، قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى پورتۇگالىيىنىڭ جۇمھۇرىيەت بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. براگا باشچىلىقىدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىر يۈرۈش ئىنقىلابىي ئەمر-پەرمانلارنى جاكارلاپ، ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىيدىغانلىقىنى، ئاقسۆڭەكلىك نامنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنت 1911-يىل 8-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنىنى ماقۇللىغان، بۇ ئاساسىي قانۇندا ئىككى پالاتالىق پارلامېنت قۇرۇلىدىغانلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى پارلامېنت سايلىغان زۇڭتۇڭ ۋە زۇڭتۇڭ تەيىنلىگەن ئىچكى كابىنېت يۈرگۈزىدىغانلىقى؛ مەتبۇئات ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى؛ سانائەت ئىشچىلىرىدا سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى؛ ئىشچىلاردا ئىش تاشلاش ھوقۇقىنىڭ بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئەمما بۇ ئىنقىلاب يېزا ئىقتىسادىي تۈزۈمىگە چېقىلمىغان، شۇنداقلا پورتۇگالىيىنى چەت ئەل كاپىتالىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلدۇرالمىغان.

پورتۇگالىيىنىڭ 1826-يىلىدىكى ئاساسىي نىزامى

  • پورتۇگالىيىنىڭ 1826-يىلىدىكى ئاساسىي نىزامى[يەشمىسى:]برازىلىيە ئىمپېراتورى پېدرو I تۈزگەن پورتۇگالىيە ئاساسىي قانۇنى. 1826-يىلى پورتۇگالىيە كورۇلى يوئاۋ Ⅵ(Joao Ⅵ، 6281 - 7671) ئۆلگەندىن كېيىن، پادىشاھلىق تەختكە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى، ئەينى چاغدىكى برازىلىيە ئىمپېراتورى پېدرو I ۋارىسلىق قىلىشقا تېگىشلىك ئىدى. ئەمما پېدرو تەختنى ئۆزىنىڭ يەتتە ياشلىق قىزى مارىيە داگلورىيە (يەنى مارىيە Ⅱ) گە ئۆتۈنۈپ بېرىپ، يېڭى كورۇلىۋانىڭ تاغىسى مىگۇئىلنى نائىب قىلىپ بېكىتكەن، شۇنداقلا ئاساسىي نىزام تۈزۈپ چىقىپ، مىگۇئىلنى ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان. ئاساسىي نىزامدا ئىككى پالاتالىق پارلامېنت قۇرۇلىدىغانلىقى، تۆۋەنكى پالاتانىڭ ۋاسىتىلىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقى، يۇقىرى پالاتانىڭ ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسى بولۇپ، پادىشاھ تاللىغان ۋارىسلىق قىلىنىدىغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپىدىغانلىقى؛ كورۇلنىڭ ۋەزىرلەرنى تەيىنلەيدىغانلىقى ھەمدە پارلامېنت چىقارغان قانۇنلارغا نىسبەتەن مۇتلەق ئىنكار قىلىش ھوقۇقى بارلىقى بەلگىلەنگەن. بۇ ئاساسىي نىزام كۈچكە ئىگە بولغان، كېيىن ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، تاكى 1910 -يىلى پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانغا قەدەر يولغا قويۇلغان.

پورتۇگالىيىنىڭ 1822-يىلدىكى ئاساسىي قانۇنى

  • پورتۇگالىيىنىڭ 1822-يىلدىكى ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:]پورتۇگالىيىنىڭ 1820-يىلقى ئىنقىلابتىن كېيىن تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنى. پورتودا تۇرۇشلۇق قوشۇننىڭ 1820-يىلى 8-ئايدىكى قوزغىلىڭى پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىنقىلابقا سەۋەبچى بولغان. 1821-يىلدىكى يانۋار ئىنقىلابى ھوندا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنى چاقىرغان، ئاساسىي قانۇن شۇ يىلى ماقۇللىنىپ، ئىككىنچى يىلى 9-ئايدا يولغا قويۇلغان. ئاساسىي قانۇندا ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ خەلققە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنىپ، ئەرلەرنىڭ ئومۇمىي سايلىمىدا بارلىققا كېلىدىغان بىر پالاتالىق پارلامېنت قۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش؛ مەمۇرىي ئاپپاراتلار پادىشاھتىن مۇستەقىل بولۇپ، پەقەت پارلامېنت ئالدىدىلا جاۋابكار بولۇش؛ مەھكىمە شەرئىينى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ فېئوداللىق ئىمتىيازلارنى بىكار قىلىش؛ مەمۇرىي تۈزۈلمىنى ئىسلاھ قىلىش؛ دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ يەر مۈلكىنى سېتىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. ئىسپانىيىنىڭ 1823-يىل ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پورتۇگالىيىدە ئەكسىيەتچى كۈچلەر قۇتراپ، بۇ ئاساسىي قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

پورتسمۇت سۈلھ شەرتنامىسى

  • پورتسمۇت سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:]روسىيە بىلەن ياپونىيىنىڭ ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىي ۋە چاۋشيەننى قايتىدىن بۆلۈشۈۋېلىش توغرىسىدىكى شەرتنامىسى. ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى پورتسمۇت (Portsmouth) تا ئىمزالانغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، روسىيە ئۇرۇشتا يېڭىلگەن. 1905-يىلى روسىيىدە ئىنقىلاب پارتلاپ، كاپىتالىستىك كۈچلۈك دۆلەتلەر ئىنقىلاب كۈچلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تېئودو روزۋېلت ئوتتۇرىغا چىقىپ كېلىشتۈرگەن. 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، ئومۇرا جۇتارو ياپونىيىنىڭ باش ۋەكىلى، ۋىت روسىيىنىڭ باش ۋەكىلى بولغان. 9-ئاينىڭ 5-كۈنى شەرتنامىنى ئىمزالىغان. تولۇق تېكىستى 15 ماددا بولۇپ، يەنە ئىككى نۇقتىلىق ماددا قوشۇمچە قىلىنغان. ئاساسلىق مەزمۇنى: (1) روسىيە جۇڭگودىن قولغا كىرگۈزۈۋالغان پورتاتور (لۈيشۇن) ۋە داليەننىڭ ئىجارە ھوقۇقىنى ياپونىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىش؛ (2) روسىيە چاڭچۈندىن لۈيشۇن ئېغىزىغىچە بولغان تۆمۈريول ۋە ئۇنىڭ تارماق لىنىيىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى ياپونىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىش؛ (3) روسىيە ياپونىيىنىڭ چاۋشيەندىكى سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەۋزەل مەنپەئەتنى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە ياپونىيىنىڭ چاۋشيەنگە بولغان ھامىيلىقى ۋە نازارىتىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىق؛ (4) روسىيە ساخالىن ئارىلىنىڭ جەنۇبىنى ياپونىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن ئىبارەت. بۇ سۈلھ شەرتنامە 1945-يىلى بىكار قىلىنغان.

پورتېر

  • پورتېر[يەشمىسى:]William Sydne Porter، 0191 - 2681) ئامېرىكا يازغۇچىسى. ئەدەبىي تەخەللۇسى ئو.ھېنرى (O. Henry)، شىمالىي كارولىنا شتاتىدىكى بىر دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى يىللىرى دورىخانىدا ئىشلىگەن. كېيىن تېكساس شتاتىغا كۆچۈپ بارغان. «ھۇستون گېزىتى» گە مەخسۇس ماقالىلەرنى يېزىپ بەرگەن. 1891-يىلدىن باشلاپ بانكىدا ئىشلىگەن. 1898-يىلى پۇل كەم چىققانلىق دېلوسىغا چېتىلىپ قېلىپ ئۈچ يىل تۈرمىدە ياتقان. 1902-يىلى نيۇ-يوركتا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ھېكايە يېزىش بىلەن داڭق چىقارغان بولۇپ، تەخمىنەن 300 پارچىدەك ھېكايىسى بار. ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە يېزا تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ۋەقەلىكلىرى جانلىق ھەم يۇمۇرلۇق. تۆۋەن تەبىقىدىكى خەلقنىڭ زۇلمەتلىك ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، كاپىتالىستىك جەمئىيەتنىڭ ساختىلىقىنى، رەزىللىكىنى ئېچىپ تاشلىغان. بەزىدە ئەسەرلىرىنىڭ نەتىجىسى قەستەن ئويلىمىغان يەردىن چىقىرىلىپ، ئۈنۈمگە ھەددىدىن زىيادە ئېتىبار بېرىلگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «بەسەي بىلەن پادىشاھ»، «تۆت مىليون» ۋە «شەھەر ساداسى» قاتارلىقلار بار.

پورلېر

  • پورلېر[يەشمىسى:]Juan Diaz Porlier، 5181 - 8871) ئىسپانىيىنىڭ فرانسىيىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشىنىڭ رەھبىرى. كىشىلەر «كىچىك گراف» دەپ ئاتىشىدۇ. 1802-يىل 5-ئاينىڭ 2-كۈنى مادرىدتىكى فرانسىيىگە قارشى قوزغىلاڭغا قاتناشقان. كېيىن گالىتسىيىدە فرانسىيىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى تەشكىللىگەن. فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن مادرىدقا قايتقان. 1814-يىلى ئەركىنچىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، لاكورۇنا (La Coruna) تۈرمىسىدە ياتقان. 1815-يىلى 9-ئايدا لاكورۇنا شەھىرىدىكى ئارمىيىنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىپ، فلۇر قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن پورلېر رەئىسلىكىدىكى گاللىتسىيە ھوندا تەشكىللەنگەن. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ قولغا ئېلىنىپ دارغا ئېسىلغان.

پورۋو پارلامېنتى

  • پورۋو پارلامېنتى[يەشمىسى:]1809-يىل 3-ئايدىن 7-ئايغىچە فىنلاندىيىنىڭ پورۋو (Porvoo) دېگەن جايىدا چاقىرىلغان پارلامېنت. روسىيىنىڭ فىنلاندىيىگە قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى (1808 - 1809) ئاياغلىشىش ئالدىدا، چار پادىشاھى ئالېكساندر I «پۈتكۈل رۇس پادىشاھى ۋە تولۇق ھوقۇقلۇق خان» ھەمدە «فىنلاندىيە كىنەزى» نامىدىن پارلامېنت چاقىرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ھەمدە شەخسەن ئۆزى يىغىنغا قاتناشقان. يىغىن فىنلاندىيىنىڭ روسىيىگە قوشۇلۇپ كېتىشىنى ھەمدە ئۇنىڭ روسىيە ئىمپېرىيىسىدىكى قانۇن ۋە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ئورنىنى بېكىتكەن. ئالېكساندر I نىڭ كېپىللىك پەرمانى ۋە يارلىقى ئارقىلىق فىنلاندىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە تۈرلۈك قانۇنلىرى ئېتىراپ قىلىنغان. يىغىنغا قاتناشقان تۆت دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئالېكساندر I نىڭ قانۇنلۇق پادىشاھ (فىنلاندىيە كىنەزى) لىقىغا ھۆرمەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغان.

پورىتان

  • پورىتان[يەشمىسى:]ئىنگلىزچە «Puritans»ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئەنگلىيىدىكى كالۋىن (Calvin) دىنىنىڭ مۇرىتلىرى. ئەنگلىيىدىكى دىن ئىسلاھاتىدا قۇرۇلغان ئەنگلىيە دۆلەت دىنىي جەمئىيىتى بولۇپ، رىم پاپاسىغا بېقىنمىغان، بەلكى ئەنگلىيە كورۇلىنى دىنىي جەمئىيەتنىڭ باشلىقى قىلغان. ئەمما كاتولىك دىنىنىڭ ئېپىسكوپلۇق تۈزۈمى، ئاساسىي دىنىي ئەقىدىلىرى ۋە مۇراسىملىرىنى ساقلاپ قالغان. شۇڭا، دۆلەت دىنىي جەمئىيىتى فېئودال مۇستەبىتلىك پادىشاھ ھاكىمىيىتىنىڭ مۇھىم قورالىغا ئايلانغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، رادىكال كالۋىن دىنىنىڭ ئەنگلىيىدە تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەر دۆلەت دىنىي جەمئىيىتىدىن كۈنسايىن نارازى بولغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، پورىتانلار دۆلەت دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر مەزھەپ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ھەمدە دۆلەت دىنىي جەمئىيىتىنى كالۋىن دىنى بويىچە «پاكلاشتۇرۇش»، كاتولىك دىنىنىڭ دۆلەت دىنىي جەمئىيىتىدىكى تەسىرىنى تازىلاش، مەسىلەن: ئېپىسكوپ تۈزۈمىنى ۋە بۇتقا چوقۇنۇشنى بىكار قىلىش، دىنىي بايراملارنى ئازايتىش ۋەھاكازالارنى تەشەببۇس قىلغان. پورىتان (دىننى تازىلىغۇچىلار) دېگەن نام مانا مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىققان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ 08 - 07-يىللىرىدا پورىتانلارنىڭ سانى كۆپلەپ ئاشقان ھەمدە دۆلەت دىنىي جەمئىيىتىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل دىنىي تەشكىلات قۇرغان. ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئاقساقال باشقۇرغان. تۇدور سۇلالىسى پورىتانلارغا ھەدەپ زىيانكەشلىك قىلىپ، نۇرغۇنلىغان مۇرىتلارنىڭ شىمالىي ئامېرىكا بىلەن گوللاندىيىگە كۆچۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، پورىتانلار ئىككى مەزھەپكە ئايرىلغان: ئۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر مۆتىدىل بولغىنى ئاقساقاللار مەزھىپى دەپ ئاتىلىپ، چوڭ بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان؛ بىرقەدەر رادىكال بولغىنى مۇستەقىل مەزھەپ دەپ ئاتىلىپ، ئوتتۇرا-ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ۋە ئوتتۇرا-ئۇششاق يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. پورىتانلار قانات يايدۇرغان ھەرىكەت، دىننى تازىلاش ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان.

پورىتانلار ئىنقىلابى

  • پورىتانلار ئىنقىلابى[يەشمىسى:]بۇرژۇئازىيە تارىخشۇناسلىرىنىڭ ⅩⅦ ئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنى ئاتىشى. بۇ قېتىملىق ئىنقىلاب دىنىي نىقاب ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى پورىتانلاردىن بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇرژۇئازىيە تارىخشۇناسلىرى ھادىسىنى ئاساس قىلىپ، بۇرژۇئازىيە بىلەن يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ پادىشاھقا ۋە فېئودال پومېشچىكلار سىنىپىغا قارشى ئىنقىلابىنى پورىتانلار ئېلىپ بارغان دىنىي ئىنقىلاب دەپ چۈشەندۈرگەن.

پوزارېۋاس سۈلھ شەرتنامىسى

  • پوزارېۋاس سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:]ئاۋسترىيە-بىلەن تۈركىيە ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسى. 1716-، 1717-يىللىرىدىكى ئاۋسترىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىدا، ئاۋسترىيە ئارمىيىسى تۈركىيىنى يېڭىپ، بېلگرادنى ئىشغال قىلىپ، تۈركىيىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلغان. 1718-يىلى 7-ئايدا، سىربىيىنىڭ پوزارېۋاس دېگەن جايىدا ئىككى تەرەپ سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىغان. شەرتنامە بويىچە، ئاۋسترىيە بارنېت، بوسنىيە، شىمالىي سىربىيە (بېلگرادنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋالاخىيە ۋە سىلوۋىنىيە قاتارلىق جايلارنىڭ بىر قىسمىنى ئىشغال قىلىپ، زېمىنىنى كېڭەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرتنامە بويىچە ئاۋسترىيىگە پايدىلىق بولغان ئاۋسترىيە-تۈركىيە سودا كېلىشىمى تۈزۈلۈپ، ئاۋسترىيە پۈتكۈل ئوسمان ئىمپېرىيىسى ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدا ئەركىن سودا قىلىش ھوقۇقى، چېگرا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن.

پوسۇشكوۋ

  • پوسۇشكوۋ[يەشمىسى:]Иван Тихонович Поsошков، 6271 - 2561) روسىيە ئىقتىسادشۇناسى، سىياسىي ئوبزورچى. زەرگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. پۇل ياساش، ھاراق چىقىرىش ئورنىدا ئىشلىگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى سودىگەرچىلىك قىلغان.1724-يىلى «كەمبەغەللىك ۋە بايلىق توغرىسىدا» دېگەن كىتابنى يېزىپ، سودا ئىشلىرىنىڭ دۆلەتتىكى مۇھىم رولىنى تەكىتلىگەن. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ياردىمى ئارقىلىق قول-ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكانلىرىنى قۇرۇش، پۇل تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، تاۋار ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى-تاشقى سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىگەن؛ شۇنىڭدەك قانۇن تۈزۈپ چىقىش، ھەممە ئادەمنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر بولۇشىنى بەلگىلەش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلغان؛ پومېشچىكلار بىلەن دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئايرىپ بېرىپ، دېھقانلارنىڭ پومېشچىكلار ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئېنىق بەلگىلەشنى، ئېسىلزادە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نەپسانىيەتچىلىكىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇس ۋە تەلەپلىرى ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1725-يىلى قولغا ئېلىنىپ، ئىككىنچى يىلى تۈرمىدە ئۆلگەن.

پوسېيدون

  • پوسېيدون[يەشمىسى:]Poseidon) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى دېڭىز خۇداسى. رىم ئەپسانىسىدە نېپتۇن (Neptunus) دەپ ئاتالغان. كرونوس بىلەن رېيەنىڭ ئوغلى. زېۋىس، خادېس بىلەن قېرىنداش بولۇپ، بىرلىشىپ كرونوسنى ئاغدۇرۇپ، چەك تاشلاپ دېڭىز-ئوكيانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئىگىلىۋالغان (زېۋىس بىلەن خادېس ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاسمان بىلەن دوزاخقا ئىگىدارچىلىق قىلغان). ئۇنىڭ خوتۇنى ئامپىترىتې دېڭىز-ئوكيانلار مەبۇدىسى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ئۇنىڭ «ئەجدىھالار ئوردىسى» ئاكائانىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى ئېگېي دېڭىزىنىڭ ئاستىدا ئىكەن. ئۇ قولىدا شاشقاقنى تۇتقىنىچە تۇلپار قوشۇلغان جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدەپ، دېڭىز-ئوكيانلاردا ھەيۋەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىكەن. بەزى چاغدا يۇناننىڭ شىمالىدىكى ئولېمپىيە تېغىغا بېرىپ خۇدالارنىڭ يىغىلىشىغا قاتنىشىدىكەن. 

پوكومبو قوزغىلىڭى

  • پوكومبو قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]7681 - 6681-يىللىرى كامبودژا خەلقىنىڭ فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى ۋە ئۆز دۆلىتىدىكى فېئودال ھۆكۈمرانلارغا قارشى قوزغىلىڭى. رەھبىرى پوكومبو (Pokombo) بۇددا دىنى راھىبى بولۇپ، ئۆزىنى ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن پادىشاھ ئەنزەننىڭ نەۋرىسى دەپ ئاتاپ، پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشىنى تەلەپ قىلغان، فرانسىيە ھامىيلىقىدىكى پادىشاھ نورۇدۇمغا قارشى چىققان. قوزغىلاڭچى ئارمىيە خەلقنىڭ تۇشمۇ تۇشتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە مۇيەسسەر بولۇپ، تېزلا زورىيىپ جىجىن، سەنپۇ قاتارلىق جايلارنى تىزگىنلىۋالغان ھەمدە گەنزو ئۆلكىسىدە پايتەخت ۋە مەمۇرىي ئورگان تەسىس قىلغان. شۇ يىلى 6-ئايدا قوزغىلاڭچى ئارمىيە پىنومپېنىغا ئانچە يىراق بولمىغان باپوتۇڭ دېگەن جايدا پادىشاھ ئارمىيىسىنى يەڭگەن، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي، فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرى ۋە پادىشاھنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان. كېيىن پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا ئۆتكەن. 1867-يىلىنىڭ ئاخىرى پوكومبو بانتوكتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن، قوزغىلاڭ بارا-بارا پەسەيگەن.

پوگگىئو

  • پوگگىئو[يەشمىسى:]Gian Francesco Poggio Bracciolini، 1380 - 1459) ئىتالىيىلىك گۇمانىزمچى. رىم ۋاتىكانىدا كۆپ يىل كاتىپ بولغان. 8541 - 3541-يىللىرى فلورېنسىيىنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى بولۇپ ئىشلىگەن. قەدىمكى ئاسارئەتىقىلەرنى بەكمۇ قەدىرلەيدۇ، ئارخېئولوگىيە كەسپىگە تولىمۇ ماھىر. پۈتۈن كۈچى بىلەن قەدىمكى دەۋردە ئۆتكەن يازغۇچىلارنىڭ يوقاپ كەتكەن قول يازمىلىرىنى توپلىغان، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى سىسېرونىڭ سەككىز پارچە نۇتقى، لۇكرېتىئۇسنىڭ «ماددا توغرىسىدا» ھەمدە تاستۇسنىڭ «گېرمانىيە تەزكىرىسى» قاتارلىقلار بار. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا سەككىز توملۇق «فلورېنسېيە تارىخى» نى يازغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پەلسەپە ۋە سىياسىي قاتارلىق جەھەتلەردىكى بەزى مەسىلىلەر شەرھلەنگەن ئىلمىي ماقالىلەرنىمۇ يازغان.

پولابىسكې سىلاۋيانلىرى

  • پولابىسكې سىلاۋيانلىرى[يەشمىسى:]رۇسچىدا Полабские Славяне، پولەكچە Porabianniey، ئىنگلىزچە Polabian Slavs دەپ يېزىلىدۇ) غەربىي سلاۋىيانلارنىڭ قەبىلە توپى بولۇپ، ئېلبا دەرياسى ھەمدە ئۇنىڭ تارماق ئېقىنى زالې (Saale) دەرياسىنىڭ شەرقى، ئودېر دەرياسىنىڭ غەربى، بالتىق دېڭىزىنىڭ جەنۇبى قاتارلىق كەڭ جايلارغا تارقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئوبودرىتىبلار، ليوگىچىلار، شۇنىڭدەك لوژسسىرۇيىلىقلار ۋە باشقىلار بار. ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، قول سانائەتتىمۇ مەلۇم سەۋىيىگە يەتكەن. Ⅹ ئەسىردىن باشلاپ گېرمانىيە ۋە دانىيە فېئوداللىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئىچكى قىسىمدىكى ئۇرۇقداشلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۆلۈنۈشى ۋە تاشقى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ۋېندېن بەگلىكى (ۋېندېن قەبىلە ئىتتىپاقى) بولۇپ شەكىللەنگەن. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى گېرمانىيە فېئوداللىرى پولابىسكې سلاۋىيانلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، مېكېنىيورگ كىنەزلىكى ۋە براندېنبۇرگ بەگلىكىنى قۇرغان. 

پولات-تۆمۈر ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشى

  • پولات-تۆمۈر ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشى[يەشمىسى:]0291 - 9191-يىللىرىدىكى ئامېرىكا ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ئامېرىكا ئىشچىلار ھەرىكىتى يېڭى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. 1919-يىلى 9-ئايدا پولات-تۆمۈر سانائىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سېكرىتارى فوستېر رەھبەرلىكىدە ئون شتاتتىكى 50 شەھەرنىڭ 365 مىڭ نەپەر پولات-تۆمۈر ئىشچىسى قاتناشقان چوڭ ئىش تاشلاش پارتلىغان، ئۇلار ئىشچىلارنىڭ كوللېكتىپ سۆھبەتلىشىش ھوقۇقى مەسىلىسى، ئىشتىن بوشىتىلغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەھبىرىنىڭ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھەر كۈنى سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمى ۋە ھەپتىدە ئالتە كۈنلۈك ئىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش، شىركەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن بۇ ھەققانىي تەلەپلەر كاپىتالىستلار تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. ھۆكۈمەت كاپىتالىستلارنى قوللىغان ھەمدە زور تۈركۈمدە ئەسكەر ئەۋەتىپ پولات-تۆمۈر ئىشلەپ چىقىرىدىغان مەركىزىي شەھەرلەردىكى ئىش تاشلىغانلارنى باستۇرغان، 22 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن، بىرقانچە يۈزلىگەن ئادەمنى يارىدار قىلغان، بىرقانچە مىڭ ئادەمنى قولغا ئالغان. ئىش تاشلاش مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن كاپىتالىستلارنى 12 سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ، تۇرمۇش جەھەتتە مەلۇم ياخشىلىنىشلارنى قولغا كەلتۈرگەن.

پولات ئىتتىپاق شەرتنامىسى

  • پولات ئىتتىپاق شەرتنامىسى[يەشمىسى:] «گېرمانىيە-ئىتالىيە ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى» نىڭ باشقىچە ئاتىلىشى. گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە «پولاتتەك شەرتنامە» دەپ ئاتىغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1939-يىل 5-ئاينىڭ 22-كۈنى بېرلىندا ئىمزالانغان. شەرتنامىنىڭ ئۈچىنچى ماددىسىدا: «ئەگەر شەرتنامە تۈزۈشكە قاتناشقان ئىككى تەرەپنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە ئىككى تەرەپ ئىچىدىكى بىر تەرەپ باشقا بىر دۆلەت ياكى بىرنەچچە دۆلەت بىلەن ھەربىي ماجىراغا تارتىلىپ قالسا شەرتنامە تۈزۈشكە قاتناشقان يەنە بىر تەرەپ بىر ئىتتىپاقداش دۆلىتى سۈپىتىدە ئىككىنچى تەرەپكە دەرھال ياردەم بېرىدۇ ھەمدە قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسى جەھەتلىرىدىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىككى دۆلەت دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىشنى بەلگىلىگەن. شەرتنامە گېرمانىيىنىڭ پولشاغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم تەييارلىقى بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك پارتلىشىنى تېزلەتكەن. 

پولەك پادىشاھلىقى

  • پولەك پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى پولشا زېمىنىدا قۇرۇلغان چار روسىيىگە بېقىندى دۆلەت. 1815-يىلى ۋېنا يىغىنىدا پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە ۋە روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پولشانى بۆلۈشۈۋېلىشى ئېتىراپ قىلىنغان. روسىيە پولشادىكى ۋارشاۋا كىنەزلىكىنىڭ تېررىتورىيىسىدە پادىشاھلىق قۇرۇپ، روسىيە پادىشاھى ئالېكساندر Ⅰ پادىشاھلىقنى ئۈستىگە ئالغان. ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىپ، پولشانىڭ سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن مۇستەقىل پارلامېنتى، ئارمىيىسى ۋە چارروسىيە باش ۋالىيسى باشچىلىقىدىكى مۇستەقىل ھۆكۈمىتى بولۇشقا ھوقۇقلۇق دەپ بەلگىلىگەن؛ پولشا پۇقرالىرىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئېلان قىلىپ، نەشرىياتچىلىق ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىقلارنى يولغا قويغان. پولشا خەلقى ئۈزلۈكسىز تۈردە چار روسىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ غەلىبە قىلالمىغان. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، 1918-يىلى 8-ئايدا سوۋېت روسىيىسى پەرمان ئارقىلىق پولشانى بۆلۈشۈۋېلىش ھەققىدىكى تۈرلۈك كېلىشىملەرنى بىكار قىلغان. پادىشاھلىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلىپ، پولشانىڭ مۇستەقىللىكى ئەسلىگە كەلگەن، 11-ئايدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. 

پولتاۋا جېڭى

  • پولتاۋا جېڭى[يەشمىسى:] شىمال ئۇرۇشى مەزگىلى (1700 — 1721) دە روسىيە ئارمىيىسىنىڭ شۋېتسىيە ئارمىيىسىگە قارشى ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جېڭى. 1709-يىلى ئەتىيازدا شۋېتسىيە پادىشاھى كارل Ⅻ باشچىلىقىدىكى ئارمىيە ئوكرائىنا قىشلىق جېڭىدىن كېيىن پولتاۋانى مۇھاسىرگە ئېلىپ خاركوۋ، بېلگراد يولىنى ئېچىشقا ئۇرۇنۇپ، ئارقىدىنلا موسكۋاغا قىستاپ كەلگەن. 4-، 6-ئايلاردا پولتاۋانى مۇھاپىزەت قىلغۇچى قوشۇن ياردەمچى ئارمىيىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا شۋېتسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى كۆپ قېتىم چېكىندۈرگەن. 6-ئاينىڭ 27-كۈنى پېتېرⅠ ھەربىي يىغىنىدا ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ جەڭ توغرىسىدا قارار چىقارغان. 7-ئاينىڭ 6-كۈنى روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق كۈچى ياكوۋىچ يېزىسىغا (پولتاۋانىڭ شىمالىدىن تەخمىنەن بەش كىلومېتر يىراقلىقتا) كىرگەن. 7-ئاينىڭ 8-كۈنى تاڭ سەھەردە شۋېتسىيە ئارمىيىسى روسىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلغان، بىر كۈنلۈك كەسكىن جەڭ ئارقىلىق شۋېتسىيە ئارمىيىسى يېڭىلگەن. كارل Ⅻ ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە قېچىپ كەتكەن. قالغان قوشۇنلىرى دېنپىر دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى پېرېۋولوچنا (Переволочна) دېگەن جايدا مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغان. شۇ قېتىمقى جەڭدە شۋېتسىيە ئارمىيىسىنىڭ 9000 ئادىمى ئۆلگەن، تەخمىنەن 18 مىڭ ئادىمى ئەسىرگە چۈشكەن، 32 زەمبىرەك ۋە پۈتۈن قورال-يارىقى زىيانغا ئۇچرىغان؛ روسىيە ئارمىيىسىدىن 1300 دىن كۆپرەك ئادەم ئۆلگەن، 3200 دىن كۆپرەك ئادەم يارىلانغان. شۇنىڭدىن تارتىپ روسىيە ئارمىيىسى ستراتېگىيىلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، شۋېتسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى كۈچلۈك ئورنىنى تەۋرىتىپ قويغان. 

پولشا پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى

  • پولشا پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى[يەشمىسى:] 1733 — 1735-يىللىرى روسىيە، ئاۋسترىيە بىلەن فرانسىيە، ئىسپانىيە، سار ددىنىيىنىڭ پولشانىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى تالىشىش يولىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. پولشا-كورۇلى ئاۋگۇست Ⅱ (AugustusⅡ، 1670 — 1733) ئۆلگەندىن كېيىن پولشا فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅩⅤ نىڭ قېيىن ئاتىسى لېزىنىسكى (Stanistaw Leszerski، يەنى ستانىسلاۋ StanistawⅡ 1677 — 1766)نى كورۇللىققا سايلىغاندا روسىيە ۋە ئاۋسترىيىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1733-يىلى روسىيە ئارمىيىسى پولشاغا بېسىپ كىرىپ، ئۇرۇش پارتلىغان. 1735-يىلى روسىيە ۋە ئاۋسترىيە لېزىنسكىسىنى قوغلىۋېتىپ، ئاۋگۇست Ⅱ نىڭ ئوغلىنى كورۇل قىلىپ تىكلەپ، ئۇنى ئاۋگۇست Ⅲ (Augustus Ⅲ، 1696 — 1763) دەپ ئاتىغان. ئۇرۇش يەنە ئىتالىيە ۋە رېين رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان. 1735-يىلى «ۋېنا سۈلھ شەرتنامىسى) نى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپ ئاۋگۇست Ⅲ نى پولشانىڭ كورۇلى دەپ ئېتىراپ قىلغان. 

پولشا كارىدورى

  • پولشا كارىدورى[يەشمىسى:] بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى پولشادىن بالتىق دېڭىزىغا ئۆتىدىغان تار جاي كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرى پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە ۋە روسىيە قاتارلىقلار پولشانى بۆلۈشۈۋالغان، پرۇسسىيە گدانسىكنى يۇتۇۋالغان ھەمدە ئىسمىنى دانزىگقا (Danzig) ئۆزگەرتكەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، پولشا دۆلىتى ئەسلىگە كەلگەن، «ۋېرسال سۈلھ كېلىشىمى» گە ئاساسەن، گېرمانىيە ئىلگىرى پرۇسسىيە بېسىۋالغان پولشا رايونىنىڭ كۆپ قىسمىنى داۋاملىق ئىگىلەپ، پەقەت ئەسلى گېرمانىيىگە تەۋە شەرقىي پرۇسسىيە ۋە غەربىي پرۇسسىيە ئارىلىقىنى، يەنى ۋىسىلا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىن كەڭلىكى سەكسەن كىلومېتر كېلىدىغان جاينى ئاجرىتىپ «پولشا كارىدورى» دەپ ئاتىغان ۋە پولشانىڭ بالتىق دېڭىزىغا چىقىش يولى قىلغان، شۇنىڭدەك دەريا ئېغىزىنىڭ ئەتراپىدىكى گدانسىك «گدانسىك ئەركىن شەھىرى» قىلىنىپ خەلقئارانىڭ ئورتاق باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن، گېرمانىيە تۇپرىقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1939-يىلى گىتلېر گدانسىك ۋە «كارىدور» نى قايتۇرۇۋېلىش باھانىسى بىلەن پولشاغا ھۇجۇم قىلىپ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئۇرۇشتىن كېيىن «پوتسىدام كېلىشىمى» گە ئاساسەن ئودېر دەرياسى، نىسې دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى رايونلار، جۈملىدىن گدانسىك شەھىرىمۇ پولشانىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن، شۇنىڭدىن باشلاپ «كارىدور» مەۋجۇت بولمىغان. 

پولشانىڭ بۆلۈۋېلىنىشى

  • پولشانىڭ بۆلۈۋېلىنىشى[يەشمىسى:]ⅩⅧ ئەسىردە روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيىلەر پولشانى ئۈچ قېتىم بۆلۈشۈۋالغان. بىرىنچى قېتىم 1772-يىلى 8-ئايدا، روسىيە، پرۇسسىيە ۋە ئاۋسترىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت پېتېربۇرگدا پولشانى بۆلۈشۈۋېلىش شەرتنامىسى ئىمزالىغان. پرۇسسىيە ۋارمىيە، مالبورك، فېلمىن ھەمدە پومېرانىيە رايونى ۋە چوڭ پولشانىڭ بىر قىسمىنى بېسىۋالغان، ئاۋسترىيە پۈتكۈل گالىتسىيە رايونى ۋە كرا- كوۋ، ساندومىرۇ ۋە روسىيىنىڭ بىر قىسمىنى بېسىۋالغان؛ روسىيە بىلۇروسىيە ۋە لاتۋىيىىنڭ بىر قىسمىنى بېسىۋالغان. ئىككىنچى قېتىم، 1793-يىلى 1-ئايدا روسىيە، پرۇسسىيە قاتارلىق ئىككى دۆلەت بۆلۈشۈۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، روسىيە-بىلۇروسىيە ۋە دىنپېر دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى ئوكرائىنا رايونىنى؛ پرۇسسىيە تورۇن، گدانىسكنى ۋە چوڭ پولشانىڭ بىر قىسمىنى بېسىۋالغان. ئۈچىنچى قېتىم، 1794-يىلى روسىيە، پرۇسسىيە پولشاغا تاجاۋۇز قىلغان، 11-ئايدا چار روسىيە ۋارشاۋانى ئىشغال قىلغان.1795-يىلى روسىيە، پرۇسسىيە ۋە ئاۋسترىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت يەنە بىر قېتىم پولشانى بۆلۈشۈپ، پرۇسسىيە ۋارشاۋا ھەمدە پولشانىڭ ئەسلىدىكى تېررىتورىيىسىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى؛ ئاۋسترىيە كراكوۋ ۋە لۇبلىن شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى؛ روسىيە غەربىي بىلۇروسىيە، غەربىي ئوكرائىنانىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى، لىتۋا ۋە كۇرلاننى بېسىۋالغان. پولشا ئۈچ قېتىم بۆلۈشۈۋېلىنغاندىن كېيىن پولشا خەلقى كۈچلۈك قارشىلىق بىلدۈرۈپ، كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، لېكىن ھەممىسىدىلا يېڭىلگەن. تاكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنلا پولشا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان. 

پولشانىڭ 1863-يىلىدىكىقوزغىلىڭى

  • پولشانىڭ 1863-يىلىدىكىقوزغىلىڭى[يەشمىسى:]1863— 1864-يىللىرى چارروسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى پولشانىڭ مىللىي زۇلۇم ۋە فېئوداللارغا قارشى قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭ رەھبىرى كىچىك ئاقسۆڭەكلەر بولۇپ، قوزغىلاڭغا ئىشچىلار، قول-سانائەتچىلەر، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ۋە دېھقانلار قاتناشقان. قوزغىلاڭ ھارپىسىدا ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ۋە كىچىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان «قىزىل پارتىيە»، چوڭ پومېشچىك ۋە چوڭ بۇرژۇئازىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان «ئاق پارتىيە» دىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھ شەكىللەنگەن. 1863-يىلى 1-ئايدا قىزىل پارتىيە «مەركىزىي مىللىي كومىتېتى» مۇستەقىللىك ئېلان قىلىپ، فېئودال قۇللۇق مۇناسىۋەتنى بىكار قىلىش ۋە دېھقانلارغا يەرنى ھەقسىز تەقسىم قىلىپ بېرىش توغرىسىدىكى پروگراممىنى ئېلان قىلىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىرغان؛ مىللىي كومىتېتتا دومبورۋىسكىي، پادلېۋىسكىي (Zygmunt Padleeski، 1836 — 1863) قاتارلىقلار مۇھىم رول ئوينىغان. لېكىن قىزىل پارتىيە دېھقانلار قوزغىلىڭىنى خەلق ئىنقىلابىغا بۇرالمىغان، ئىسلاھاتنىمۇ يولغا قويالمىغان. 10-ئايدا قىزىل پارتىيە ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلۇپ، ئاق پارتىيىسىنىڭ تراگۇت ھاكىممۇتلەقلىكى تىكلەنگەن. 1864-يىلى ئەتىيازدا، تراگۇت ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەملىرى قولغا ئېلىنغان، ياز بىلەن كۈز ئارىلىقىدا پارتىزانلار روسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. بىرقانچە ئون مىڭلىغان پولشا ۋەتەنپەرۋەرلىرى قىرغىن قىلىنغان، نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان ياكى سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان. 

پولشانىڭ 1830-يىلدىكى قوزغىلىڭى

  • پولشانىڭ 1830-يىلدىكى قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] 1830 — 1831-يىللىرى چارپادىشاھ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى پولشانىڭ مىللىي مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى قوزغىلىڭى. 1830-يىلى 11-ئايدا، روسىيە ئارمىيىسىدىكى پولەك ئەسكەرلىرى ۋە ئوفىتسېرلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ۋارشاۋا خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. قوشۇن تېزلىكتە زورىيىپ بىرقانچە ئون مىڭغا يېتىپ، ۋارشاۋادا مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇرغان. قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئاقسۆڭەكلەر يەر ئىسلاھاتى ۋە باشقا ئىلغار تەدبىرلەرنى يولغا قويمىغانلىقتىن، خەلق ئاممىسىدىن ئايرىلىپ قالغان، 100 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇقراق روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باستۇرۇشى بىلەن ئاخىرى 1831-يىلى 9-ئايدا مەغلۇپ بولغان. 

پولشانىڭ 1791-يىللىق ئاساسىي قانۇنى

  • پولشانىڭ 1791-يىللىق ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:] «3-ماي ئاساسىي قانۇنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پولشا ئاقسۆڭەكلىرى ۋە ئاۋام خەلقىنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا پولشانىڭ قايتا بۆلۈۋېلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۈزگەن ئاساسىي قانۇن. 1791-يىل 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى پارلامېنتتا ماقۇللىنىپ، پولشا ھوقۇق مەركەزلەشكەن پادىشاھلىق دۆلەت بولۇپ، پادىشاھلىق سايلام تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. پادىشاھنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ئۈزۈلۈپ قالغاندىلا ئاندىن يېڭى سۇلالە قۇرۇش، پارلامېنتتا بىردەك ماقۇللىنىدىغان قارار چىقىرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كۆپ ساندىكىلەرنىڭ ماقۇللىشى ئارقىلىق قارار چىقىرىشقا ئۆزگەرتىش؛ ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈشىنى مەنئى قىلىپ، مەركەزنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقىنى كۈچەيتىش، ئارمىيىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. لېكىن ئاساسىي قانۇن يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ ئاساسىغا چېقىلمىغان، ئاقسۆڭەكلەر ئوخشاشلا پۈتۈن ئىقتىسادىي ئىمتىياز ۋە سىياسىي ھوقۇقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان. ئاساسىي قانۇن تولۇق يولغا قويۇلمىغان. 1793-يىلى روسىيە، پرۇسسىيە پولشاغا تاجاۋۇز قىلغان، شۇنداق قىلىپ پولشا ئىككىنچى قېتىم بۆلۈۋېلىنغان. 

پولشا ئىشچىلار پارتىيىسى

  • پولشا ئىشچىلار پارتىيىسى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پولشادا قۇرۇلغان ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي پارتىيىسى. 1942-يىلى 1-ئايدا پولشا زېمىنىدىكى «ئازادلىق كۈرەش جەمئىيىتى»، «ئىشچىدېھقانلار تەشكىلاتى»،«بولقا ۋە ئورغاق»، «سوۋېتلەر دوستى جەمئىيىتى» ۋە «پرولېتارلار» قاتارلىق ئىنقىلابىي گۇرۇپپىلار ۋارشاۋادا ئېچىلغان بىرلەشمە يىغىندا پولشا ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. نوۋوتكو (M. Nowotko، 1893 — 1942) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. «ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار ۋە بارلىق پولشا ۋەتەنپەرۋەرلىرىگە خەت» نى ئېلان قىلىپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ رەھبەرلىكىدە بارلىق ۋەتەنپەرۋەر كۈچلەرنى فاشىزمغا قارشى مىللىي سەپ قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇپ، فاشىست گېرمانىيىسى ئىشغالىيىتىدىكى ۋەتەن تۇپرىقىنى ئازاد قىلىپ، ئەركىن، مۇستەقىل پولشا قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. پولشا خەلق گۋاردىيىسىنى تەشكىللەپ، فاشىزمغا قارشى كۈرەش بىلەن پائال شۇغۇللانغان. 1944-يىلى پولشا ئازاد بولغاندىن كېيىن، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، دېھقانلار پارتىيىسى ۋە دېموكراتلار پارتىيىسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ مىللىي ئازادلىق كومىتېتى قۇرۇپ، ئەڭ ئالىي دۆلەت مەمۇرىي ھاكىمىيىتىنى يولغا قويغان. 1948-يىل 12-ئاينىڭ 25-كۈنى پولشا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن قوشۇلۇپ پولشا بىرلىككە كەلگەن ئىشچىلار پارتىيىسى قۇرۇلغان. 

پولشا ئىيۇل خىتابنامىسى

  • پولشا ئىيۇل خىتابنامىسى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى، 1944-يىل 7-ئاينىڭ 22-كۈنى پولشا مىللىي ئازادلىق كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئازاد بولغان شەھەر خېئوم (Chelm) دا ئېلان قىلغان ئىنقىلابىي كۈرەش پروگراممىسى. بۇ پروگراممىدا: مىللىي ئازادلىق كومىتېتى بىردىنبىر قانۇنىي ھۆكۈمەت بولىدىغانلىقى؛ پولشا سوۋېت ئىتتىپاقى، چېخوسلوۋاكىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، گېرمانىيە ئىشغالىيەتچىلىرىنى پولشا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقى، خەلقنىڭ سۆزلەش، ئېتىقاد ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقى؛ فاشىست جىنايەتچىلىرىنى قاتتىق جازالاپ، گېرمانىيە ئىشغالىيەتچىلىرىنىڭ مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقى؛ يەر ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، زاۋۇت-كان، بانكىلارنىڭ دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغانلىقى قاتارلىقلار جاكارلانغان. 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، كېيىن پولشانىڭ دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەن. 

پولك

  • پولك[يەشمىسى:]James Knox Polk، 1795 — 1849) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1845 — 1849). دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. شىمالىي كارولىنا شتاتىدا تۇغۇلغان. 1820-يىلىدىن باشلاپ قانۇنچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1825 — 1839-يىللىرى فېدېراتىپ ئاۋام پالاتاسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن.1839-يىلى تېننېسسې شتاتىنىڭ شتات باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1844-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. بۇ جەرياندا تاموژنا بېجىنى كېمەيتكەن؛ دۆلەت خەزىنىسىنىڭ زاپىسىنى كۆپەيتكەن؛ ئەنگلىيە بىلەن ئورېگوندىكى زېمىن ماجىراسىنى ھەل قىلغان؛ 1846 — 1848-يىللىرى مېكسىكىغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغاپ، ھازىرقى تېكساس، كالىفورنىيە ۋە يېڭى مېكسىكا قاتارلىق شتاتلارنى تارتىۋالغان. 

پوللىت

  • پوللىت[يەشمىسى:]Harry Pollitt، 1890 — 1960) ئەنگلىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى (1956 — 1960). نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى يىللىرى شاگىرت، ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1906-يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ كۆپ قېتىم ئىش تاشلاش كۈرىشىنى تەشكىللىگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەنگلىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1922-يىلى ئەنگلىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1924 — 1943-يىللىرى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1929 — 1956-يىللىرى ئەنگلىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. ئۇنىڭ «پوللىت تاللانما ئەسەرلىرى»، «مېنىڭ شاگىرتلىق ھاياتىم» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

پولوۋىسلار

  • پولوۋىسلار[يەشمىسى:] تۈركلەرنىڭ بىر تارمىقى. تەخمىنەن Ⅺ ئەسىردە ۋولگا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، جەنۇبىي روسىيە دالاسىدا تارقاق ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇلارنىڭ جەمئىيەت تەرەققىيات باسقۇچى يەنىلا باشلانغۇچ جامائەدىن سىنىپىي جەمئىيەتكە ئۆتۈش دەۋرىدە تۇرغان. Ⅻ — Ⅺ ئەسىرلەردە دائىم رۇسلار بىلەن توقۇنۇشقان ھەمدە جەنۇبتىكى بالقان يېرىم ئارىلىغا ئىلگىرىلەپ، ۋېزانتىيىگە ئۇشتۇمتۇت تاجاۋۇز قىلغان. 1223-يىلى جەنۇبىي روسىيىگە تاجاۋۇز قىلغان موڭغۇللار تەرىپىدىن يېڭىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر قىسىم پولوۋىسلار ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا بېقىندى بولۇپ قالغان، يەنە بىر قىسمى غەربكە ئىلگىرىلەپ ۋېنگرىيىگە بارغان. 

پولېنېسىيە مېھنەتكەشلىرى پەرمانى

  • پولېنېسىيە مېھنەتكەشلىرى پەرمانى[يەشمىسى:] ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئاۋسترالىيىنى ئېچىش ئۈچۈن تۈزگەن پەرمانى. ⅪⅩ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرى يېڭى ھېبرىدېس تاقىم ئاراللىرى، سولومون تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق جايلاردىن ئاۋسترالىيە قىتئەسىگە يەرلىك ئەمگەكچىلەرنى يەنى، كاناكاسلار (Kanakas، پولېنېزىيە تىلىدا «ئەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) نى يۆتكەپ كېلىپ كېۋەز ۋە قىزىلچا ئېكىنزارلىقلىرىدا ئىشلەتكەن. 1868-يىلى كوئېنسلاند مۇستەملىكە رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ پەرماننى چىقىرىپ، كاناكاس ئىشچىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئىشىنى باشقۇرغان ھەمدە ئېكىنزاردىكى يەرلىك ئىشچىلارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلە توغرىسىدا قارار چىقارغان، شۇنداق قىلىپ، ئىشچىلارنى يۆتكەش قانۇنلىشىپ قالغان. 

پولىكلېتوس

  • پولىكلېتوس[يەشمىسى:]Polykleitos ياكى Polyditus، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴئەسىر) قەدىمكى يۇنانلىق ھەيكەلتىراش. پېلوپوننېسىيە يېرىم ئارىلىدىكى ئارگوس دېگەن جايدا تۇغۇلغان. ھەيكەلتىراش ئاگېلاداس (Ageladas)نىڭ شاگىرتى. ئىجادىيىتى مىلادىدىن تەخمىنەن 452 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتتىن مىلادىدىن 412 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقىچە گۈللەنگەن. پېدىئاس بىلەن زامانداش، لېكىن ئۇنىڭدىن ياشراق. سەنئەت جەھەتتە پېدىئاس ئافىناچىلارنىڭ ۋەكىلى بولسا، پولىكلېتوس ئارىگوسچىلارنىڭ ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقىسى تەڭرىلەرنىڭ ھەيكىلىنى ياساشتا داڭلىق بولسا، كېيىنكىسى ئادەملەرنىڭ ھەيكىلىنى ياساش بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. ئاساسلىق ئەسىرى «نەيزىۋاز» دا كېلىشكەن، قەددى-قامەتلىك بىر ياشنىڭ قىلىچ تۇتۇپ تۇرغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. بۇھەيكەلنىڭ مەرمەر تاشتىن تەقلىد قىلىپ ياسالغان نۇسخىسى ھازىرغىچە (نېئاپولدا) ساقلانماقتا. قەدىمكى دەۋرىدە تېخىمۇ داڭلىقراقى ئارگوس زېمىنىدىكى ھېرا (Hera، زېۋىسنىڭ خوتۇنى) ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ئىجاد قىلغان ھېرانىڭ ھەيكىلى (ئالتۇن ۋە پىل چىشىدىن ياسالغان) بولۇپ، ئۇنىڭ كۆركەم ۋە نەپىسلىك جەھەتتە ئولېمپىيىدىكى زېۋىسنىڭ ھەيكىلى ۋە پارفېنوندىكى ئافىنانىڭ ھەيكىلىدىن (پېدىئاس ياسىغان) قېلىشمايدۇ. پولىكلېتوس ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىنىڭ نىسبىتىنى ھېسابلاش ۋە پۇختا ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، غايىۋى گۈزەللىكنى ئادەمنىڭ تەقى-تۇرقىغا تولىمۇ ماسلاشتۇرغان ھالدا سىڭدۈرگەن. ئۇنىڭ «ئامازۇنكادىكى ئايال جەڭچى» (ھازىر بېرلىندا ساقلىنىۋاتىدۇ) بىلەن «بېزەك تاقىغان كىشى» (ھازىر ئافىنادا ساقلىنىۋاتىدۇ) قاتارلىق ھەيكەللەرنىڭ تەقلىدىي نۇسخىسى بار. 

پولىيبىئۇس

  • پولىيبىئۇس[يەشمىسى:]Polybius ياكى Polybios، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 205 — 125) ئىلگىرى قەدىمكى يۇنانلىق تارىخشۇناس. مېگالوپولى (Megalopolis) شەھىرىدە تۇغۇلغان. مىلادىدىن 181 — 180 يىل ئىلگىرى ئاكائا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىك ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىسىرغا بارغان. مىلادىدىن 169 يىل ئىلگىرى ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ قوماندانى بولغان. ئۈچىنچى قېتىملىق ماكېدونىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن (مىلادىدىن 168 يىل ئىلگىرى) گۆرۈ سۈپىتىدە رىمغا ئەۋەتىلگەن. سىپىئو جەمەتىنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى ۋە مەسلىھەتچىسى بولغان. كىچىك سىپىئوغا ھەمراھ بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىي قىرغىقى، ئاكائا، كارفاگېن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلىغان. 40 توملۇق «ئومۇمىي تارىخ» ناملىق كىتابىدا رىمنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغانلىقى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. ئالدىنقى 2 تومى مۇقەددىمە بولۇپ، مىلادىدىن 264— 221 يىل ئىلگىرى بولغان ۋەقەلەرنى، قالغان 38 تومى مىلادىدىن 220 يىل ئىلگىرىدىن مىلادىدىن 145 يىل ئىلگىرىگىچە بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. پۇنى ئۇرۇشى ۋە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى يۇنانلاشقان دۆلەتلەرنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. 6-تومدا رىم دۆلىتىنىڭ تۈزۈمى تەھلىل قىلىنغان، 12-تومىدا تارىخىي يىلنامەشۇناسلىق بايان قىلىنغان؛ ھازىرغىچىلىك ئالدىنقى 5 تومى شۇنىڭدەك باشقا توملىرىنىڭ بىر قىسىم پارچىلىرى ساقلىنىپ قالغان. ئەسەرنىڭ ئالاھىدىلىكى تەكشۈرۈش ۋە خاتىرىنىڭ چىنلىقىغا ئېتىبار بېرىش، ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ تارىخ دائىرىسىدىن ھالقىپ چىقىپ، كەڭ رايونلارنىڭ ئومۇمىي تارىخىنى يېزىپ چىقىشنى ئاساس قىلىشتىن ئىبارەت بولغان. 

پومبال

  • پومبال[يەشمىسى:]Marquěs de Pombal، 1699 — 1782) پورتۇگالىيە باش ۋەزىرى (1756 — 1777). ئەسلى ئىسمى ساباستاۋ جوسې دې كارۋالوئې مېللو (Sabastiao Jose de Carvalho e Mello). كوئىمبرا داشۆسىدە قانۇن ئوقۇغان، كېيىن سىياسىي ۋە تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1733-يىلى خانلىق تارىخ پەنلىرى ئاكادېمىيىسىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1738 — 1749-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پورتۇگالىيىنىڭ لوندون ۋە ۋېنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. يوسېف (Joseph، 1714 — 1777) پورتۇگالىيە كورۇلى بولغاندىن كېيىن، 1750 — 1756-يىللىرى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1769-يىلى گراف پومبال بولۇپ تەيىنلەنگەن. باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن چاغلىرىدا ئەيسا جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىنى قوغلاپ، بىر قىسىم ئىبادەتخانىلارنى تاقىۋەتكەن، يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ھەققى ۋە خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى يەرلەرنىڭ كۆلىمىنى بەلگىلەپ، شىركەت قۇرۇشقا يول قويغان، دىندىن خالى مەكتەپلەرنى ئېچىپ، داشۆ مائارىپىنى يېڭىلىغان. ئىسلاھات جەريانىدا يۇقىرى بېسىملىق ۋاسىتە قوللانغان. كورۇل يوسېف ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ھەمدە ئۆمۈرۋايەت پايتەختتىن قوغلانغان. 

پومبال ئىسلاھاتى

  • پومبال ئىسلاھاتى[يەشمىسى:] پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى، باش ۋەزىر، گراف پومبالنىڭ 1750 — 1777-يىللىرى پورتۇگالىيە ۋە پورتۇگالىيىگە قارام برازىلىيە مۇستەملىكىسىدە يولغا قويغان ئىسلاھات. پورتۇگالىيىدە ئاساسلىقى ئەيسا مۇرىتلىرىنى قوغلاپ چىقارغان، ئەنگلىيىلىك سودىگەرلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىنى يوقاتقان؛ سانائەت-يېزا ئىگىلىكىنى مۇكاپاتلاپ، مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. پورتۇگالىيىگە قارام برازىلىيىدە ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: ئىككى ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋە بىر تۈركۈم ئەدلىيە كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىپ، توققۇز فېئودالنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، برازىلىيە مۇئاۋىن پادىشاھلىق دەرىجىسىدىكى باش ۋالىيغا قاراشلىق رايونلارنى تەسىس قىلغان شۇنىڭدەك پايتەختنى باخىيادىن رىئودې-ژانېيروغا كۆچۈرگەن؛ برازىلىيىنىڭ سودا ھوقۇقىنى مونوپول قىلىدىغان ئىككى سودا شىركىتىنى ئاچقان؛ ئەيسا مۇرىتلىرىنى قوغلىغان ۋە ئىندىئانلارنى قۇل قىلىشنى مەنئى قىلغان. بۇ تەدبىرلەر پورتۇگالىيە خان جەمەتىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىپ، برازىلىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1777-يىلى پورتۇگالىيە كورۇلى يوسېف ئۆلگەندىن كېيىن، پومبال ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان، شۇنداق قىلىپ، ئىسلاھاتمۇ بارا-بارا بىكار قىلىنغان. 

پومپېي

  • پومپېي[يەشمىسى:]Pompeii) ئىتالىيىنىڭ نېئاپول قولتۇقى ئەتراپىدىكى قەدىمكى شەھەر. ئورنى كامپانىيە تەۋەسىدە بولۇپ، ۋېسوۋى يانار تېغىدىن تەخمىنەن ئون كىلومېتر يىراقلىقتا. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردە قۇرۇلغان. ئىمپېراتور تىتۇس تەختتىكى مەزگىلدە يەنى مىلادىدىن 79 يىل ئىلگىرى، رىم كالېندارى بويىچە 8-ئاينىڭ 24-كۈنى يانار تاغدىن تۇنجى قېتىم ماگمىلار ئېتىلىپ چىقىپ پۈتۈن شەھەر ۋەيران قىلىنغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بايقالغان، 1748-يىلى رەسمىي قېزىلىشقا باشلاپ تا ھازىرغىچە كۆپ قىسمى قېزىلىپ بولغان. خارابىدىن قارىغاندا خارابىنىڭ ئىگىلىگەن ئورنى تەخمىنەن 8.1 كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، تاشتىن قوپۇرۇلغان شەھەر سېپىلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4800 مېتر كېلىدۇ. شەھەردە كوچا-رەستىلەر گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، يوللارغا تاش ياتقۇزۇلغان غەربىي جەنۇب رايونىدا تىك تۆت تەرەپلىك مەيدان بار، ئەتراپىدىكى قۇرۇلۇشلار تولىمۇ كۆركەم. يۇڭ توقۇلما، گۆھەر، ئەينەك، مېتالچىلىق ۋە بولكا پىشۇرۇش قاتارلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىلىرى بار. دۇكانلارغا تۈرلۈك تاۋارلار، ھەر خىل دورىلار ۋە پەسىلگە لايىق مېۋە-چېۋىلەر تىزىلغان. ئارخېئولوگلار يەنە كۆپلىگەن ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى (تام رەسىم، قاپارتما رەسىم قاتارلىقلار) شۇنىڭدەك بىر قىسىم داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تاپقان. ئىشقىلىپ قەدىمكى رىم، بولۇپمۇ ئىمپېرىيىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى ئىتالىيە جەمئىيىتى ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتكەن. 

پومپېي

  • پومپېي[يەشمىسى:]1) گىنائېئۇس پومپېي (Gnaeus Pompeius Magnus، مىلادىدىن ئىلگىرى 106 —48) قەدىمكى رىم قوماندانى ھەم سىياسىئونى. پىسىنو رايونىدىكى كاتتا ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. سۇلالىنىڭ قوللىغۇچىسى. مىلادىدىن 81 يىل ئىلگىرى ئەتراپىدا سۇللانىڭ سىتسىلىيە ئارىلىدىكى مارىئۇسنىڭ قالدۇق قوشۇنلىرىنى يوقىتىشىغا ياردەم بەرگەن ھەمدە ئافرىقىغا بېرىپ ئۇرۇش قىلغان. سۇللا ئۆلگەندىن كېيىن (مىلادىدىن 78 يىل ئىلگىرى) داۋاملىق ھالدا ئاقسۆڭەكلەرگە مايىل بولۇپ، ئاددىي خەلقنىڭ باشلىقى لېپىدۇس (Lepidus) نى باسقان. مىلادىدىن 72 يىل ئىلگىرى ئىسپانىيىدە سېرتورىئۇ ھەرىكىتىنى باستۇرغان؛ كېيىن ئىتالىيىگە قايتىپ كراسنىڭ سپارتاك قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. مىلادىدىن 70 يىل ئىلگىرى ئارخونلۇققا تەيىنلەنگەن. مىلادىدىن 67 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى قاراقچىلارنى تازىلاشقا تولۇق ھوقۇق ئېلىپ كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان. مىلادىدىن 66 — 63 يىل ئىلگىرىكى يىلغىچە پونتو پادىشاھلىقىنى مەغلۇپ قىلىپ، مىترىدات ئۇرۇشىغا خاتىمە بەرگەن ۋە سۈرىيە پادىشاھلىقى (سېلېۋك پادىشاھلىقى) نى يوقىتىپ، پەلەستىننى ئىشغال قىلغان. مىلادىدىن 62 يىل ئىلگىرى غەلىبە بىلەن رىمغا قايتىپ داڭق چىقارغان. بىراق سىنات ئۇنىڭ شەرقتىكى تەدبىرىگە قارىتا ئۆز پىكرىدە قېلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان. مىلادىدىن 60 يىل ئىلگىرى كائېسار، كراسلار بىلەن ئالدىنقى ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقىنى تۈزگەن. مىلادىدىن 56 يىل ئىلگىرى «ئۈچ كاتتىباش» ئاچقان لۇكا يىغىنىدا ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپلارنى پەسەيتكەن. مىلادىدىن 55 يىل ئىلگىرى ئارخونلۇققا تەيىنلەنگەن. كائېسارنىڭ گاللىيىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ئاستا-ئاستا سىنات بىلەن مۇرەسسە قىلىپ كائېسار بىلەن قارشىلاشقان (مىلادىدىن 53 يىل ئىلگىرى كراس ئۆلگەن). مىلادىدىن 49 يىل ئىلگىرى كائېسار رىمغا ھۇجۇم قىلغاندا، ئالدىراپ-سالدىراپ بالقان يېرىم ئارىلىغا چېكىنگەن ۋە ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ كائېسار بىلەن ئېلىشقان، دەسلەپ غەلىبە قىلغان. مىلادىدىن 48 يىل ئىلگىرى پارسالۇ (يۇناندىكى تىسالىيىنىڭ جەنۇبى) جېڭىدە ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولغان. قېچىپ مىسىرغا كەلگەندە ئۆلتۈرۈلگەن. پومپېينىڭ خوتۇنى جۇلىيە(Julia)كائېسارنىڭ قىزى بولۇپ، مىلادىدىن 54 يىل ئىلگىرى ئۆلگەن. (2) سېكىستۇس پومپېي (Sextus Pompeius، مىلادىدىن ئىلگىرى 75 — 35). قەدىمكى رىم سەركەردىسى. گنائېئوس پومپېينىڭ ئىككىنچى ئوغلى. دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن (مىلادىدىن 48 يىل ئىلگىرى) ئاكىسى گنائېئوس بىلەن ئىسپانىيىگە قېچىپ كەتكەن. مىلادىدىن 45 يىل ئىلگىرى مۇندا (Munda، ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبى) جېڭىدە كائېسار تەرىپىدىن يېڭىلىپ (ئاكىسىدىن ئايرىلغان)؛ كېيىن ئىسپانىيىنىڭ شىمالىغا يۆتكىلىپ، ئاندىن سىتسىلىيىگە بارغان. كائېسار ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن بىر مەھەل دېڭىز ئارمىيىسىنى باشقۇرغان. رىمدىكى ئىچكى نىزادىن پايدىلىنىپ سىتسىلىيە، ساردىنىيىنى بازا قىلىۋېلىپ، بىر تۈركۈم قۇللارنى يىغىپ قوشۇن توپلاپ، ئىتالىيىنىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلىرىغا ئۈزلۈكسىز تۈردە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان. مىلادىدىن 39 يىل ئىلگىرى تۈزۈلگەن كېلىشىمدە ئوكتاۋىيان، ئانتونىلار ئۇنىڭ دېڭىزدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. مىلادىدىن 36 يىل ئىلگىرى ئوكتاۋىيان ئارمىيىسى تەرىپىدىن يېڭىلگەن ۋە كىچىك ئاسىياغا قېچىپ شۇ يەردە ئۆلتۈرۈلگەن. 

پومپىدۇ

  • پومپىدۇ[يەشمىسى:]Georges Pompidou، 1911 — 1974)، فرانسىيە زۇڭتۇڭى (1969 — 1974). 1934-يىلى پارىژ ئالىي سىفەن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن مارسېل ۋە پارىژ قاتارلىق جايلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1944-يىلى دېگولل ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشخانىسىدا ۋالىي بولغان. 1946 — 1954-يىللاردا ئالىي مەمۇرىي سوتنىڭ دېلو تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى بولغان ھەمدە 1946 — 1947-يىللاردا يەنە ساياھەت ئىشلىرى باش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. مالىيە-پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە نام چىقىرىپ، روشىل مالىيە گۇرۇھىنىڭ دۇڭشىسى بولغان. 1958— 1959-يىللاردا دېگولل زۇڭلى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈشكە ياردەملەشكەن. 1959 — 1962-يىللاردا روشىل بانكىسىنىڭ باش جىڭلىسى بولغان. بۇ مەزگىلدە يەنە زۇڭتۇڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى بولۇپ، 1961-يىلى ئالجىرىيە مىللىي ئازادلىق فرونتى بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئالجىرىيىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى تۈزگەن. 1962 — 1968-يىللاردا زۇڭلى بولغان. 1968-يىلىدىكى «ماي بورىنى» دا ئىشچىلار ۋە خىزمەتچىلەر بىلەن كېلىشىمنامە ئىمزالاپ، كرىزىسنىڭ ھەل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ زۇڭتۇڭ بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە دېگوللنىڭ سىياسىتىنى يولغا قويغان. 1973-يىلى جۇڭگوغا كېلىپ زىيارەت قىلغان. «برىتانىيىلىكلەر ئۈستىدە تەتقىقات»، «فرانسىيىنىڭ ئاتاقلىق شېئىرلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

پومورزې

  • پومورزې[يەشمىسى:] «پومېرانىيە»گە قاراڭ. 

پومېرانىيە

  • پومېرانىيە[يەشمىسى:]Pomerania) نېمىسچە (Pommern، پولەكچە Pomorze دەپ يېزىلىدۇ. تارىختىكى بىر رايوننىڭ نامى. ھازىرقى پولشانىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئودېر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىن باشلىنىپ، شەرقتە ۋاسىفا دەرياسى ئارىلىقىدىكى بالتىق دېڭىزى بويىدىكى رايونلارغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدا ئودېر دەرياسى بىلەن لېبا (Leba) دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى رايونلار غەربىي پومېرانىيە (غەربىي پورمورزې): لېبا دەرياسى بىلەن ۋاسىفا دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى رايونلار شەرقىي پومېرانىيە (شەرقىي پومورزې) دەپ ئاتىلىدۇ. دائىرىسى تازا كېڭەيگەن مەزگىللىرى غەربتە سىترالىسۇندىن (Stralsund) باشلىنىپ، شەرقتە ۋاسىفا دەرياسىغىچە سوزۇلغان بولۇپ، روگېن (Rügen) ئارىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئەسلىدىكى ئاساسلىق ئاھالىسى سلاۋىيانلاردىن ئىبارەت. مىلادى Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى پولشا تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. Ⅺ ئەسىرگە كەلگەندە مۇستەقىل بولغان. Ⅻ ئەسىرنىڭ باشلىرى پولشا پادىشاھى بولېسلاۋ Ⅲ تەرىپىدىن يەنە بېسىۋېلىنغان. كېيىن پارچىلىنىپ كەتكەن. 1295-يىلى شەرقىي پومورزې (يەنى پومېرېلىيە دەپمۇ ئاتالغان، يەنى گدانىسك رايونى) يەنە بىر قېتىم پولشاغا قوشۇۋېتىلگەن؛ 1308 — 1309-يىللىرى تىيوتۇن رىتسارلار پولكى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان، لېكىن 1466-يىلى يەنە پولشاغا تەۋە بولغان؛ 1772-يىلى پرۇسسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان بولۇپ، غەربىي پرۇسسىيىنىڭ ئۆلكىسىگە ئايلىنىپ قالغان. غەربىي پومېرانىيە 1181-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىگە بېقىنىدىغان بىر كىنەزلىك (يەنى پومېرانىيە كىنەزلىكى) گە ئايلىنىپ قالغان؛ ئوتتۇز يىللىق ئۇرۇش داۋامىدا شۋېتسىيە تاجاۋۇز قىلغان (1630-يىلى)؛ 1648-يىلى ئىمزالانغان «ۋېستېفارىيە سۈلھ شەرتنامىسى» بويىچە غەربىي قىسمى (ئودېر دەرياسىنىڭ غەربىدىن ستىرالىسوند رايونىغىچە، يەنى يېقىن پومېرانىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ) شۇنىڭدەك ئودېر دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىنىڭ بىر قىسمى شۋېتسىيىگە تەۋە بولغان، شەرقىي قىسمى (يەنى يىراق پومېرانىيە ) غا براندېنبۇرگ كىنەزلىكىگە ئىگە بولغان؛ 1720-ۋە 1815-يىللىرى پرۇسسىيە يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شۋېتسىيىگە تەۋە پومېرانىيىنىڭ جەنۇب (پېنې دەرياسىنىڭ جەنۇبى) ۋە شىمال قىسىملىرىغا ئىگە بولۇۋېلىپ، پومېرانىيە ئۆلكىسىنى قۇرغان. 1945-يىلىدىكى «پوتسىدام كېلىشىمى» گە ئاساسەن ئودېر دەرياسىنىڭ شەرقىي ھەمدە غەربىي قىرغىقىدىكى سىزېسىن (Szczecin) رايونىنىڭ كۆپ قىسمى پولشانىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 

پونتوپىدان

  • پونتوپىدان[يەشمىسى:]Henrik Pontoppidan، 1857 — 1943)، دانىيىلىك يازغۇچى. پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلىدە قۇرۇلۇش ئىلمىنى ئۆگەنگەن، كېيىن ئوقۇشتىن قېلىپ يېزا ئوقۇتقۇچىسى، مۇخبىر بولغان. 1881-يىلى ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرغان، كېيىن مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئىستىلى قاتتىق بولۇپ، غايىگە ئىنتىلگەن. ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىپ، كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ چىرىكلىكى ۋە ساختىلىقىنى ئېچىپ تاشلاپ، خەلققە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلغان، ئەمما ئۈمىدسىزلىك تۈسى بىرقەدەر ئېغىر. 1917-يىلى ★ گېللېرۇپ بىلەن بىللە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئەسەرلىرى «ئۈمىد يۇرتى»، «تەلەيلىك پىر»، «ئاخىرەتلىك ساراي» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

پونتوس پادىشاھلىقى

  • پونتوس پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] «پونتوس» گرېتسىيە تىلىدىكى «Pontos» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. مەنىسى «دېڭىز». قارا دېڭىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىرغىقىدىكى قۇللۇق تۈزۈمىدىكى دۆلەت. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى قۇرۇلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 281-يىلى مىترىدات Ⅱ پادىشاھ بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 183-يىلى سىنوپېنى پايتەخت قىلغان. مىترىدات Ⅵ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللەردە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 121-يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 63-يىلىغىچە) يېقىن ئەتراپتىكى كەڭ رايونلارغا ھۇجۇم قىلىپ، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى بوسفور پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 64-يىلى (ياكى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 63-يىلى) رىم تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋېلىنغان. 

پونى ئۇرۇشى

  • پونى ئۇرۇشى[يەشمىسى:] قەدىمكى رىم بىلەن كارفاگېن ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەرب تەرىپىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش ئۇرۇشى. كارفاگېن (بۈگۈنكى تۇنىستا) سىستېمىسىدىكى پونىكىلار (Phoenicia) نىڭ مۇستەملىكە رايونى (رىۋايەت قىلىنىشىچە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 814-يىلى قۇرۇلغان)، مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅴ — Ⅵ ئەسىرلەردە غەربىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رىم ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كارفاگېن بىلەن تىركىشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن، ئاقىۋەتتە ئۈچ قېتىملىق زور كۆلەملىك ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، رىملىقلار پونىكىلارنى «پونى» (Poeni، ئېيتىلىشىچە «پالما خەلقى» دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق نام قويۇلغان. بىرىنچى قېتىمقىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 264-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 241-يىللارغىچە)؛ دەسلەپتە سىتسىلىيە ئارىلىدا ئۇرۇش قىلىشىپ، رىم تەرەپ ئاسما كۆۋرۈكلۈك يېڭى كېمىنى ياساپ چىقىپ، دېڭىز ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ، قوشۇن ئەۋەتىپ كارفاگېننىڭ زېمىنىغا ھۇجۇم قىلغاندا مەغلۇپ بولغان، يەنە ئايلىنىپ سىتسىلىيىدە ئۇرۇش قىلغاندا، كارفاگېن مەغلۇپ بولغان؛ رىم سىتسىلىيە (سىراكۇزىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) نى ھەمدە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك ئارالنى تارتىۋېلىپ، كارفاگېندىن 3200 تارانتوڭ تۆلەم ئالغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، رىم كارفاگېننىڭ ياللانما ئەسكەرلىرى ئىسيان كۆتۈرگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كورسكا ۋە سارىدىينىيە ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋالغان (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 238-يىلى). ئىككىنچى قېتىمقىسى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 218 — 201-يىللىرى): كارفاگېننىڭ قوماندانى گاننىبالىنىڭ ئالپىس تاغلىرىدىن ئۆتۈپ يىراققا سەپەر قىلىپ، ئىتالىيىگە بېرىشىدىن باشلانغان. تراسمېنۇس كۆلى ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 217-يىلى) ۋە كاننائې ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 216-يىلى) دا رىم ئارقا-ئارقىدىن قاتتىق مەغلۇپ بولغان، «ئىتتىپاقداش» شەھەرلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن يۈز ئۆرۈپ (كاپۇئانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. گاننىبال رىم شەھىرىگە ھۇجۇم قىلماستىن، تايانچسىز قوشۇن بىلەن ياقا ئەللەردە يۈرگەچكە، ياردەمچى قوشۇن ئۈزۈلۈپ قالغان. رىم ھەل قىلغۇچ جەڭدىن ساقلىنىپ، كۈچ توپلاپ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 211-يىلى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرى 209-يىلى رىم چوڭ سىكىپئونى قوشۇن تارتىپ ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى يېڭى كارفاگېنغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرى 204-يىلى بىۋاسىتە كارفاگېننىڭ زېمىنىغا ھۇجۇم قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 203-يىلى ھاننىبال پەرمان بويىچە دېڭىزدىن ئۆتۈپ دۆلىتىگە قايتىپ تېزلىك بىلەن ياردەمگە كەلگەن، مىلادىدىن ئىلگىرى 202-يىلى زاما ئۇرۇشىدا كارفاگېن مەغلۇپ بولغان. ئىككىنچى يىلى سۈلھ شەرتنامە تۈزۈشكەن؛ كارفاگېن چەت ئەلدىكى بارلىق زېمىنىدىن ۋاز كېچىپ، پەقەت 10 كېمىنىلا ئېپقېلىپ، ئارتۇقىنى تاپشۇرغان. رىمغا 10 مىڭ تارانتۇڭ تۆلەم تۆلىگەن. بۇنىڭدىن كېيىن رىمنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلماسلىق بەلگىلەنگەن. كارفاگېن ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ۋە كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىنى يوقاتقان. ئۈچىنچى قېتىمقىسى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 149-يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 146-يىلغىچە). رىم كارفاگېنىنى يوقىتىش غەرىزى بىلەن ئۇنىڭ غەربىي قوشنىسى نۇمىدىيانى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا كۈشكۈرتكەن. ئاندىن كېيىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 201-يىلىدىكى سۈلھ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلدى، دېگەن باھانە بىلەن ئەسكەر چىقىرىپ كارفاگېن شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغان. كارفاگېنلىقلار دۆلىتىنى قەيسەرلىك بىلەن قوغدىغان. شەھەر ئىچىدە قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ، ئاخىر كىچىك سىكىپئونى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان؛ ھايات قالغانلار قۇل قىلىنغان، كارفاگېن شەھىرى ئۈزۈل-كېسىل ۋەيران قىلىنغان. رىم كارفاگېن خارابىسىنىڭ ئورنىغا «ئافرىقا ئۆلكىسى» نى قۇرۇپ، غەربىي ئوتتۇرا دېڭىزغا خوجا بولۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. 

پوئىتوئۇ

  • پوئىتوئۇ[يەشمىسى:]Poitou) فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى قەدىمكى رايون نامى. مىلادى 778-يىلى بەگلىك شەكىللەنگەن. 990-يىلى ئاكۋىتانىيە كىنەزلىكىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.1137-يىلى فرانسىيە پادىشاھى لۇئى Ⅶ ئۆزىگە بېقىندۇرغان. 1152-يىلى ئانژۇ گرافى ھېنرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن. 1154-يىلى ھېنرى ئەنگلىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپ، ھېنرى Ⅱ دەپ ئاتالغاندىن كېيىن، پوئىتوئۇ ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ خوجىلىق يېرىگە ئايلانغان. 1203-يىلى فرانسىيە پادىشاھى فىلىپپ Ⅱ ئۇنى قايتۇرۇۋالغان. ئەنگلىيە-فرانسىيە يۈز يىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 1356 — 1369-يىللاردا يەنە ئەنگلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. 1416-يىلى فرانسىيە پادىشاھىنىڭ خوجىلىق يېرىگە قوشۇۋېتىلگەن. 

پوئىتېرس جېڭى

  • پوئىتېرس جېڭى[يەشمىسى:]فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىدىكى پوئىتېرس (Poitiers) نىڭ يېنىدا بولغان ئىككى قېتىملىق جەڭ: (1) مىلادى 732-يىلى، فرانك پادىشاھلىقىنىڭ ئوردا ۋەزىرى چارلېز مارتېل ساۋۇتلۇق رىتسارلارغا قوماندانلىق قىلىپ، ئەرەبلەرنى پوئىتېرس بىلەن تۇر ئارىسىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، ئۇلارنى بىلىنوس تېغىنىڭ جەنۇبىغا چېكىندۈرۈپ، غەربىي ياۋروپاغا قايتا كېڭەيمىچىلىك قىلماسلىققا مەجبۇر قىلغان. (2) ★ ئەنگلىيە-فرانسىيە يۈز يىللىق ئۇرۇشىدىكى مۇھىم جەڭ بولۇپ، 1356-يىل 9-ئاينىڭ 19-كۈنى يۈز بەرگەن. 1355-يىلى 9-ئايدا ئەنگلىيە پادىشاھى ئىدوۋارد Ⅲ نىڭ چوڭ ئوغلى ئىدوۋارد (قارا شاھزادە) قوشۇن باشلاپ، فرانسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى بوردودا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، فرانسىيىنىڭ مەركىزىي رايونىغا ئۇدۇل باستۇرۇپ كەلگەن. ئىككىنچى يىلى 9-ئايدا ئىككى قوشۇننىڭ ئاساسىي كۈچى پوئىستېرسنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 11 كىلومېتر كېلىدىغان جايدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشقان. ئەنگلىيە قوشۇنى ئېغىر قوراللانغان پىيادە ئەسكەرلەر ۋە ئوقياچىلارنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا، فرانسىيە قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، فرانسىيە پادىشاھى يوھان Ⅱ (ياخشى ئادەم) نى ئەسىرگە ئالغان. 

پويادې جېڭى

  • پويادې جېڭى[يەشمىسى:] «پوئىتىرې جېڭى»گە قاراڭ. 

پۇتىستىسنى

  • پۇتىستىسنى[يەشمىسى:]Giacomo Puccini، 1858 — 1924)، ئىتالىيە ئوپېرا كومپوزىتورى. لۇككادا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى بەش ئەۋلاد مۇزىكانتلار دەپ ئاتالغان. ئۇ دەسلەپتە گارمونچى ۋە رويالچى بولغان. 1880 — 1883-يىللاردا مىلان مۇزىكا شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوپېرا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى گەرچە كاپىتالىستىك جەمئىيەتتىكى بەزى ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىك ھادىسىلىرىگە تاقالغان ھەمدە تۆۋەنكى قاتلام خەلقنىڭ مۇشەققەتلىك تۇرمۇشىغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ ماھىيىتىگە تەگمىگەن. ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرى 1893-يىلىدىكى «ماننون لىسكا» ۋە 1904-يىلىدىكى «كېپىنەك خانىم» بولۇپ، يەنە «سىگانلار»، «توسكا» قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار. 

پۇتيەنباۋ جېڭى

  • پۇتيەنباۋ جېڭى[يەشمىسى:]چاۋشيەن خەلق ئارمىيىسىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ستراتېگىيىلىك مۇھىم ئورنى پۇتيەنباۋغا قىلغان ھۇجۇمى. 1936-يىلى ۋەتەننى قايتۇرۇۋېلىش جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىنقىلابىي قوراللىق كۈرەش تېز راۋاجلانغان. 1937-يىلى 3-ئايدا ئېچىلغان شىگاڭ (جۇڭگونىڭ جىلىن ئۆلكىسىدە) يىغىنىدا، چاۋشيەننىڭ دۆلەت ئىچىگە يۈرۈش قىلىشتىن ئىبارەت ستراتېگىيىلىك فاڭجېن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى كىم ئېرسىننىڭ باشچىلىقىدا يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ياپون ئارمىيىسىنىڭ چاۋشيەننىڭ شىمالىدىكى ستراتېگىيىلىك مۇھىم ئورنى پۇتيەنباۋ (ھازىر لياڭجياڭ ئۆلكىسىگە تەۋە) غا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، ياپون قاراقچىلىرىنىڭ ساقچى ئىدارىسىنى ۋە ئۇن لاۋازىمەت ئورنىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. 5-كۈنى ئۆزلۈكىدىن چېكىنىپ، تايانچ بازىسىغا غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلگەن. بۇ جەڭ چاۋشيەن خەلقىنىڭ كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشەنچسىنى كۈچەيتكەن. 

پۇرۇسا

  • پۇرۇسا[يەشمىسى:] قەدىمكى ھىندىستاندىكى ئىلاھ نامى. «رىگ ۋېدا» مەدھىيىسىدىكى ئىپتىدائىي گىگانت ئادەم. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ مىڭ بېشى، مىڭ كۆزى، مىڭ پۇتى بار ياراتقۇچى ئىلاھ بولۇپ، پۈتكۈل زېمىنغا بىر كېلىدىكەن. ئىلاھلار ئۇنى قۇربانلىق قىلىپ نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزگەندە، ئۇنىڭ كېسىلگەن بەدىنىدىن ئالەمدىكى شەيئىلەر پەيدا بولغانىكەن. بېشىدىن ئاسمان، پۇتىدىن يەر، يۈرىكىدىن ئاي، كۆزىدىن قۇياش، ئاغزىدىن يىندولو (چاقماق ئىلاھى) ۋە ئاگنى (ئوت ئىلاھى) قاتارلىقلار بارلىققا كەلگەنىكەن. تۆت تائىپىمۇ ئۇنىڭ گەۋدىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قىسىملىرىدىن پەيدا بوپتىكەن: «ئۇنىڭ ئېغىزى براخمانغا، ئىككى بىلىكى شاترىيىگە، ئىككى پۇتى ۋايسىيىگە ئايلىنىپ، ئىككى ئايىغىدىن سۇدرا پەيدا بولغانىكەن.» پۇرۇسا مەدھىيىسى «رىگ ۋېدا» نىڭ باشلانمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پۇرۇسا براخمان دىنى ۋە ھىندى دىنىدىكى ياراتقۇچى ئىلاھ — بۇددا نامى قىلىپمۇ ئىشلىتىلىدۇ. 

پۇرۇشا پۇرا

  • پۇرۇشا پۇرا[يەشمىسى:]Purushapura) قەدىمكى جاي ئىسمى. ھازىرقى پاكىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى پېشاۋور. كۇشان ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى بولغان؛ ئىمپېرىيىنىڭ مەركىزى جەنۇبقا يۆتكەلگەندىن كېيىن، يەنىلا شۇ چاغدىكى ئاتاقلىق شەھەر بولغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا شەھەر سېپىلى تۈز بولۇپ، ئايلانمىسى 40 چاقىرىمدىن ئاشىدىكەن، ئاھالىسى ناھايىتى كۆپ ئىكەن. كۇشان پادىشاھى كانىشكا (مىلادى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان) بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، بۇ يەردە كۆركەم ئىبادەتخانىلارنى ۋە بۇددا مۇنارلىرىنى ياساتقان. جۇڭگونىڭ شەرقىي جىن سۇلالىسىدىن فاشيەن ھىندىستانغا سەپەر قىلغان چېغىدا، بۇ شەھەردىكى ئىمارەتلەرنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ «بۇددا دۆلىتى خاتىرىسى» دېگەن ئەسىرىدە «مەن كۆرگەن مۇنارلارنىڭ كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىكى بۇ شەھەردىكىگە يەتمەيدىكەن» دەپ يازغان. ئارخېئولوگلار بۇ يەردە ئۇلىنىڭ دىئامېترى 87 مېتر كېلىدىغان غايەت زور مۇنارنى تاپقان. مىلادىدىن كېيىنكى بىرقانچە ئەسىردە، بۇددا دىنى ھىندىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدا كۈنسايىن ئاجىزلىشىپ، غەربىي شىمالىي ھىندىستاندىكى پۇرۇشا پۇرا شەھىرى بۇددا دىنىي (ماھايانا مەزھىپى) نىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. 

پۇزۇشا پۇرا

  • پۇزۇشا پۇرا[يەشمىسى:] «پۇرۇشا»غا قاراڭ.

پۇژاد ھەرىكىتى

  • پۇژاد ھەرىكىتى[يەشمىسى:] فرانسىيە تۆتىنچى جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدىكى بىر قېتىملىق سىياسىي ھەرىكەت. بۇ ھەرىكەتنىڭ تەشەببۇسچىسى پۇژاد (Pierre Poujade، 1920-) بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى تۆتىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىچكى-تاشقى زىددىيەتلىرى ئېغىرلىشىپ، سىياسىي ۋەزىيەت تۇراقسىزلاشقانلىقتىن، شەھەر-يېزىلاردىكى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە قىيىن ھالغا چۈشۈپ قالغان. 1953-يىلى پۇژاد رەھبەرلىك قىلغان «سودىگەرلەر ۋە قول سانائەتچىلەرنى قوغداش ئىتتىپاقى» قۇرۇلۇپ، باجغا تاقابىل تۇرۇش ۋە جۇمھۇرىيەتكە قارشى تۇرۇش شوئارى ئاستىدا كىچىك دۇكان خوجايىنلىرى، كىچىك فېرما خوجايىنلىرى ۋە باشقا ئوتتۇرا-تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنى جەلپ قىلغان. 1956-يىلىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا 56 ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىتتىپاق بۆلۈنۈپ ۋە پارچىلىنىپ كەتكەن. پۇژاد 1957-يىلدىكى پارلامېنتىنى تولۇقلاش سايلىمىدا مەغلۇپ بولغان ھەمدە تەسىرىنى يوقاتقان. 1958-يىلدىن كېيىن، پۇژاد ۋە ئۇنىڭ كۆپ سانلىق ئەگەشكۈچىلىرى بەشىنچى جۇمھۇرىيەتنى قوللىغان. 

پۇسانى

  • پۇسانى[يەشمىسى:]Pausanias)① (مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 469) (1) سپارتانىڭ قوماندانى. خان جەمەتىدىن كىلېئومبروتۇس (Kleombrotus) نىڭ ئوغلى، لېئونىداس (Leonidas) نىڭ جىيەنى. مىلادىدىن 479 يىل ئىلگىرى سپارتانىڭ 5000 كىشىلىك (ھەربىر ئەسكەرگە تەخمىنەن يەتتە نەپەر ھېلوتلار ھەمراھ بولغان) قوشۇنىنى باشلاپ، ئافىنا ھەمدە يۇناننىڭ باشقا شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن بېئوتىيە (ئوتتۇرا يۇنان) نىڭ پلاتئىي (Plataeaei) دېگەن جايدا ماردونىئۇس (Mardonius) باشچىلىقىدىكى پېرسىيە ئارمىيىسىنى يەڭگەن، شۇنىڭ بىلەن، ئۈچىنچى قېتىملىق يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشىدا پۈتۈنلەي غەلىبە قىلغان. ئارقىدىنلا بىرلەشمە ئارمىيە فلوتىنى باشلاپ پارسلارنى ئېگەي دېڭىزىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، سىپرۇس ۋە ۋېزانتىيىنى ئىشغال قىلىپ (مىلادىدىن 478 يىل ئىلگىرى)، ھەربىي جەھەتتە شۆھرەت قازانغان. كېيىن پېرسىيە پادىشاھى بىلەن يەڭ ئىچىدە تىل بىرىكتۈرۈپ، پۈتكۈل يۇنانغا تىران بولۇش قەستىدە بولغان، دېگەن گۇمان بىلەن سپارتاغا قايتۇرۇپ كېلىپ سوتقا تارتىلغان، دەسلەپ دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق بولمىغاچقا قويۇپ بېرىلگەن. لېكىن ئاسىيلىق قىلغانلىقى (مەكتۇپى ئىسپات بولالايدۇ) ئاخىر ئاشكارىلىنىپ قالغان ۋە تەپتىش ئەمەلدارى قولغا ئالغۇچىلىك ئافىنا ئىبادەتخانىسىغا قېچىپ كىرىۋالغان (يۇناننىڭ قائىدىسى بويىچە ئىبادەتخانا ئىچىدە قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرۈش مەنئى قىلىنغان)، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسىنى تاش بىلەن ئېتىپ تاشلاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا پۇسانىنىڭ ئانىسى تۇنجى تاشنى ئەكەلگەنىكەن. ئاقىۋەت ئۇ ئىبادەتخانا ئىچىگە قامىلىپ ئۆلگەن. (2) مىلادى Ⅱ ئەسىردىكى قەدىمكى يۇنانلىق ساياھەتچى ۋە جۇغراپىيون. كىچىك ئاسىيانىڭ لىدىيە (Lydia) دېگەن جايدا تۇغۇلغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يۇنان، رىم، ئىتالىيە ھەمدە غەربىي ئاسىيا، مىسىر قاتارلىق جايلارغا ساياھەت قىلىپ بارغان. ئۇ يازغان «يۇناننىڭ تەبىئىي شارائىتى» (ئون توملۇق) ناملىق كىتابىدا قەدىمكى يۇناننىڭ بەزى مۇھىم رايونلىرى، جۈملىدىن ئاتتىكا، مېگارىس (Megaris)، كورىنتىيە (Corinthia)، سىكۇنىيە(Sicyonia)، فلىياسىيە (Phliasia)، ئورگولىس (Argolis)، لاكونىسا (Laconica)، مېسسېنىيە (Messenia)، ئېلىس (Elis)، ئاكايا (Achaea)، ئاركادىيە (Arcadia)، بېئوتىيە (Boeotia) ۋە فوسىس (Phocis) قاتارلىق جايلارنىڭ ئەھۋالىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بايان قىلغان. شۇڭا بۇ كىتاب قەدىمكى يۇناننىڭ جۇغراپىيىسى، تارىخى، دىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرى بولۇپمۇ بىناكارلىق سەنئىتى قاتارلىق جەھەتلەرنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. 

پۇشكىن

  • پۇشكىن[يەشمىسى:] «ئالېكساندر سېرگېۋىچ پۇشكىن»غا قاراڭ.

پۇشيەن ئىبادەتخانىسى

  • پۇشيەن ئىبادەتخانىسى[يەشمىسى:]چاۋشيەندىكى بۇددا ئىبادەتخانىسى. شىمالىي پىڭئەن ئۆلكىسى نىڭبيەن ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي جەيشيەن دېگەن جايىدىكى ميەنمياۋ تېغىغا جايلاشقان. كورىيە سۇلالىسىنىڭ گۇاڭزۇڭ دەۋرى (950 — 975) دە ياسىلىشقا باشلىغان. شىمالىي چاۋشيەندىكى بىرىنچى چوڭ ئىبادەتخانا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چاۋشيەندىكى 31 باش ئىبادەتخانىلارنىڭ بىر بولۇپ، يۈزدىن ئارتۇق ئىبادەتخانا قارايدۇ. رېنجېن مەزگىلىدىكى ياپونلارنىڭ قالايمىقانچىلىقىدا(1592)، بۇ ئىبادەتخانىدىكى راھىبلارنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ياپون ئارمىيىسىگە قارشى تۇرۇشى، كېيىن خەلق ئىچىدە داستان بولغان. بۇ ئىبادەتخانا كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغان، ھازىر بار بولغان ئىمارەتلەرنىڭ تولىسى لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن قالغان. داشيوڭباۋ ئوردىسى ۋە ۋەنسۇيلۇ بىناسى بۇ ئىبادەتخانىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئىمارەتلەر بولۇپ، داشيۇڭباۋ ئوردىسىنىڭ ئالدىدىكى 13 قەۋەتلىك سەككىز قىرلىق تاش مۇنار نەپىس ياسالغان ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە. ئوردا ئىچىدىكى تام رەسىملىرى يىڭزۇ دەۋرى (1724 — 1776) دىن قالغان يادىكارلىق بولۇپ، سەنئەت سەۋىيىسى بىرقەدەر يۇقىرى. 

پۇقرالار پارتىيىسى

  • پۇقرالار پارتىيىسى[يەشمىسى:] «خەلق پارتىيىسى (1)»گە قاراڭ.

پۇقرالار پارتىيىسى

  • پۇقرالار پارتىيىسى[يەشمىسى:]«خەلق پارتىيىسى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمىدىكى دېھقانلارنى ئاساس قىلغان سىياسىي پارتىيە. ⅩⅪ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى، ئامېرىكىدا ئىككى چوڭ دېھقانلار تەشكىلاتى يەنى: مىسسىسپى دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ھەر قايسى شتاتلارغا مەركەزلەشكەن «مەملىكەتلىك دېھقانلار ئىتتىپاقى» («غەربىي شىمال ئىتتىپاقى» مۇ دېيىلىدۇ) بىلەن ئاساسلىقى جەنۇبتىكى «دېھقانلار ئىتتىپاقى ۋە سانائەتچىلەر بىرلەشمە ئىتتىپاقى» («جەنۇب بىرلەشمە ئىتتىپاقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بارلىققا كەلگەن. 1891-يىلى ئىككى تەشكىلات بىرلىشىپ ئۈچىنچى پارتىيىنى قۇرۇشنى غۇلغۇلا قىلغان، 1892-يىلى 7-ئايدا نېبراسكادىكى ئوماخا يىغىنىدا پۇقرالار پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغان ھەمدە زۇڭتۇڭ نامزاتى ۋە سىياسىي پروگراممىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تۆمۈريول ۋە تېلېگرام، تېلېفون قاتارلىق جامەئەت ئىشلىرىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئەركىن ھالدا كۈمۈش ئاقچا قۇيۇپ، پۇلنى كۆپەيتىپ تارقىتىش، دېھقانچىلىق قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمىنى تۆۋەنلىتىپ، چەت ئەل تەۋەلىكىدىكىلەرنىڭ يەر زېمىنىنى، ئىگىلىشىنى مەنئىي قىلىش، پروگرېسسىيىلىك تاپاۋەت بېجى يىغىش، سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى ۋە پالاتا ئەزالىرىنى بىۋاسىتە سايلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلغان. 1896-يىلى يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىپ يەنە مەغلۇپ بولغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خارابلاشقان.

پۇقرالارغا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىش بۇيرۇقى

  • پۇقرالارغا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىش بۇيرۇقى[يەشمىسى:]ئاۋسترىيىنىڭ يانچىلارنىڭ بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى پەرمانى. 1781-يىلى ئاۋسترىيە پادىشاھى جوسېف Ⅱ دېھقانلار پەرمانىنى جاكارلاپ، ئاۋسترىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى چېخ، موراۋىيە، سېلېسىيە، گالېتسىيە، ۋېنگرىيە قاتارلىق رايونلاردا يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، يانچىلارنىڭ جىسمانىي بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بۇنىڭ ئورنىغا «پۇقرالار مۇناسىۋىتىنى» نى قويۇشنى بەلگىلىگەن. دېھقانلار ئۆزى خالىغانچە كۆچۈش، ئۆزى ئىش تېپىپ قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى ئۆزى خالىغانچە باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. لېكىن يەر يەنىلا پومېشچىكلارنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇپ، دېھقانلار يەر ئىشلەتسە، ئىجارە ھەققى تاپشۇرۇشقا توغرا كەلگەن، پومېشچىكلار دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن، دائىم مۇشۇ پەرمانغا ئاساسلىنىپ، دېھقانلارنى خالىغانچە قوغلاپ چىقىرىپ، كەڭ دېھقانلارنى يەردىن مەھرۇم قىلغان. لېكىن بۇ پەرمان يېزىلاردا فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى يىمىرىلىشىدە بەلگىلىك رول ئوينىغان.

پۇقرالار يىغىنى

  • پۇقرالار يىغىنى[يەشمىسى:]Concillium Plebis)قەدىمكى رىم گراژدانلار يىغىنىنىڭ بىرى. يەنى «ترىبۇتا يىغىنى» 

پۇگاچيوۋ قوزغىلىڭى

  • پۇگاچيوۋ قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] روسىيىدە يۈز بەرگەن ئەڭ زور دېھقانلار قوزغىلىڭى (1773 — 1775). ئۇنىڭ داھىسى پۇگاۋچيوۋ (Емeцьюн Ивaнович Пугaчев)، تەخمىنەن 1742 — 1775)دون كازاكلىرىدىن بولۇپ، 7 يىللىق ئۇرۇش ۋە روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى (1768 — 1774) غا قاتناشقان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پومېشچىكلار سىنىپى دېھقانلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنى ئېغىرلاشتۇرغانلىقتىن، سىنىپىي زىددىيەت ئۆتكۈرلەشكەن. 1773-يىلى 9-ئايدا پۇگاچيوۋ ئورال دەرياسى رايونىدا 80 كازاكنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئۇ چاقىرىقنامە چىقىرىپ، ئۆزىنى پېتېر Ⅲ دەپ ئاتىغان، يانچىلارنى ئازاد قىلىش، جان بېتبىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، يەر، يايلاق، كۆل ۋە ئورمانلارنى نامرات دېھقانلارغا بېرىشنى جاكارلاپ، دېھقانلار، ئىشچىلار ۋە كازاكلار، باشقىردلار، تاتارلار قاتارلىق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئورال زاۋۇتلىرىدىن قورال-ياراق، ئوق-دورا تەمىناتىغا ئىگە بولۇپ، تېز كېڭەيگەن. 1774-يىلى ئەتىيازدا 50 مىڭ كىشىگە يېتىپ، ئورال دەرياسى، ۋولگا دەريا ۋادىلىرىدا ۋە ئورېنبورگ چېگرا رايونىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلغان. 7-ئايدا قازان شەھىرىنىڭ يېنىدا ھۆكۈمەت قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ۋولگا دەرياسىنى بويلاپ جەنۇبقا قايتقان. 8-ئايدا سارتېتسېندا يەنە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، دەريادىن ئۆتۈپ شەرقتىكى يايلاق رايونىغا كىرىشكە مەجبۇر بولغان. قوزغىلاڭ ئۆزىنىڭ سىتېخىيىلىكى ۋە تارقاقلىقى تۈپەيلىدىن، ئاخىرى چار پادىشاھ قوشۇنى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. پۇگاچيوۋ 1774-يىلى 9-ئايدا باي كازاكنىڭ ساتقۇنلۇقى بىلەن ئەسىرگە چۈشكەن، كېلەركى يىلى 1-ئايدا موسكۋادا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

پۇلىتسېر

  • پۇلىتسېر[يەشمىسى:]Joseph Pulitzer، 1847 — 1911)، ئامېرىكىلىق گېزىتچى. ۋېنگرىيىدە تۇغۇلغان. 1864-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە قوشما شتاتلار ئارمىيىسىگە كىرگەن 1867-يىل ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن ھەمدە ئادۋوكات سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن . ئىككىنچى يىلى نېمىسچە گېزىت «غەرب پوچتىسى» نىڭ مۇخبىرى بولغان. 1869-يىلى مىسسورى شتاتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. كېيىن «غەرب پوچتىسى»، «سان لوئىس تېلېگرامما خەۋىرى» گېزىتلىرىنى سېتىۋېلىپ، يىلمۇ يىل پايدا ئالغان. 1883-يىلى شەرقىي قىسىمغا قايتىپ بېرىپ، «نيۇ-يورك دۇنيا گېزىتى» نى سېتىۋالغان. 1887-يىلى «دۇنيا كەچلىك گېزىتى» نى تەسىس قىلغان. قورال كۈچى ئارقىلىق كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى، مۇستەملىكە تالىشىپ ئىسپانىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى جېنىنىڭ بارىچە تەرغىپ قىلغان. ئۇ باشقۇرغان گېزىتلارنى پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە ئىقتىسادىي گۇرۇھلارنىڭ كونترول قىلىشىغا ئۇچرىمىغان، باشماقالىلەرنى كۆپلىگەن پاش قىلىش خاكتېرلىك ماتېرىياللار ئارقىلىق قوللاپ، ئىسلاھاتچىلىقنى تەشەببۇس قىلغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ بېشىدا، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كولومبىيە داشۆسىنىڭ ئاخبارات ئىنستېتۇتىنى قۇرغان ھەمدە ئاخبارات، ئەدەبىيات قاتارلىق پۇلىتسېر مۇكاپاتلىرىنى تەسىس قىلغان.

پۇنالۇ ئان نىكاھى

  • پۇنالۇ ئان نىكاھى[يەشمىسى:]«توپ نىكاھلىنىش جەمەتى»گە قاراڭ.

پۇند

  • پۇند[يەشمىسى:]1) روسكو پۇند (Roscoe Pound، 1870 — 1964)ئامېرىكىلىق قانۇنشۇناس، شۇنداقلا پراگماتىك قانۇنشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي قانۇنشۇناسلىق تەرەپدارلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى. نېبراسكا شتاتىدا تۇغۇلغان. 1889 — 1890-يىللىرى خارۋارد قانۇنشۇناسلىق شۆيۈەنىدە ئوقۇپ، كېيىن ئادۋوكات بولغان. 1897-يىلى پەلسەپە بويىچە دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. 1907 — 1909 ۋە 1909 — 1910-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ غەربىي شىمال داشۆ ۋە چىكاگو داشۆسىدە قانۇنشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. 1910-يىلدىن باشلاپ خارۋارد داشۆسى ستور ۋە كان لېكسىيىسى بويىچە قانۇنشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان، 1916 — 1936-يىللىرى خارۋارد قانۇن شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1948-يىلى جۇڭگوغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلىگەن ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ پراگماتىزملىق پەلسەپىنى قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيىۋىنىڭ ئاساسىقىلىپ، «ئىجتىمائىي مەنپەئىتى نەزەرىيىسى» نى تەرغىپ قىلىپ، قانۇن كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك، دېگەن؛ «قانۇن-نازارەت قىلىش قورالى» دەپ قارىغان. 1950-يىلدىن كېيىن خەلقئارا سېلىشتۇرما تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. «قانۇن پەلسەپىسىنىڭ يېتەكچى نەزەرىيىسى»، «ھازىرقى زامان قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيىسى»، «ئادەت قانۇنىنىڭ تارىخى ۋە تۈزۈمى» ۋە «قانۇنشۇناسلىق تارىخى ھەققىدە چۈشەنچە» قاتارلىق كىتابلارنى يازغان. (2) ئېزراپوند (2791 - 5881، Ezra Pound). ئامېرىكىلىق شائىر، تەرجىمان ۋە ئەدەبىي ئوبزورچى 1905-يىلى خامىلتون شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن، 1906-يىلى پېنسېلۋانىيە داشۆسىنىڭ ماگىستېرلىق ئىلمىي ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن. 1907-يىلى ياۋروپاغا ساياھەتكە بارغان. كېيىن ئەنگلىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قېلىپ، شېئىرلارنى ئېلان قىلغان ۋە لوندون مودېرنىزمچى شائىرلىرىنىڭ داھىيسىغا ئايلانغان. 1920-يىلى پارىژغا كۆچۈپ بارغان. 1925-يىلى يەنە ئىتالىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، فاشىزملىق ئىدىيىنى قوبۇل قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە رادىئو ئارقىلىق ئامېرىكىغا فاشىزمنى تەشۋىق قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئامېرىكىغا يالاپ ئاپىرىلىپ سوتقا تارتىلغان. 1946 — 1958-يىللىرى ۋاشىنگتوندىكى بىر دوختۇرخانىدا نەزەربەند قىلىنغان. 1958-يىلى ئىتالىيىدە مۇھاجىر بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىشقا رۇخسەت قىلىنغان، كېيىن شۇ يەردە ئۆلگەن. ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرى كۆپ. جۇڭگو، مىسىر ۋە ياپونىيىنىڭ شېئىر-قوشاقلىرىنى تەرجىمە قىلغان. ئىماژىنىزمغا ۋەكىللىك قىلىپ شېئىرلارنىڭ قاپىيە ۋە ۋەزىنگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت رېتىم-تۇراققىلا ئەھمىيەت بېرىپ، شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىككە ئىنتىلىتىش كېرەك، دەپ ھېسابلىغان.

پېئانو

  • پېئانو[يەشمىسى:] (Ciuseppe Peano، 1858 —1932( ئىتالىيە ماتېماتىكى، ماتېماتىكا لوگىكاشۇناسى، تىلشۇناسى، ئۇنىۋېرستېتتا قۇرۇلۇش ئىلمىنى ئۆگەنگەن. 1884-يىلدىن باشلاپ تۇرىن ئۇنىۋېرستېتىدا دىففېرېنىسئال ۋە ئىنتېگرالدىن دەرس ئۆتكە.ن 1890-يىل ئىمتىھان ئارقىلىق تۈرىن ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، ۋاپات بولغانغا قەدەر مۇشۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانغان. ۋېكتور ئالگېبراسى ۋە گېئومېترىك ھېسابلاشنى تەتقىق قىلغان. بوشلۇقنى تولدۇرغۇچى ئەگرى سىزىقنى كەشپ قىلغان. 1894 — 1898-يىللىرىدىكى «ماتېماتىكا فورمۇلىلىرى» ھازىرقى زامان ماتېماتىكىلىق لوگىكىسىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇئەييەن رول ئوينىغان. ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ماتېماتىكا تارىخىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇنى بىر ئېقىمغا ئايلاندۇرغان. «خەلقئارالىق تىل-يېزىق» نى ئىجات قىلىپ، تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تارقالمىغان. ئەسەرلىرىدىن «دىففېرېنىسئال ۋە ئىنتېگرال قائىدىلىرى»، «مىكرو ئېلېمېنت تەھلىلى»، «ماتېماتىكا ئوبزورلىرى» قاتارلىقلار بار. 

پېپې

  • پېپې[يەشمىسى:]5581 - 3871 Guglielmo Pepe,ئىتالىيە مىللىي گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ ئەربابى، ناپلېس گېنىرالى. كاربونارىتلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1820 — 1821-يىللىرىدىكى نېئاپول ئىنقىلابىدا قوزغىلاڭنىڭ رەھبىرىي ۋە تەشكىلاتچىسى بولغان. 1821-يىلى 1-ئايدا ئاۋسترىيە ئارمىيىسى نېئاپولغا يۈرۈش قىلغاندا، ئابرۇززى (Abruzzi) رايونىنىڭ مۇداپىئەسىگە مەسئۇل بولغان. 3-ئايدا رىئېتى (Rieti) ئەتراپىدا ئاۋسترىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولغان. 1848-يىلى ئىتالىيىنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ناپلېس ئارمىيىسىنى باشلاپ بېرىپ پېمونتقا ياردەم بەرگەن. كېيىن يەنە مۇھاسىرىدە قالغان ۋېنېتسىيىگە ياردەم بېرىپ، شەھەر مۇداپىئەسىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. ۋېنېستىيە قولدىن كەتكەندىن كېيىن ئۇزاق ۋاقىت چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 

پېپىن (پەتەك(

  • پېپىن (پەتەك([يەشمىسى:]]417 - 867, Pepin le Bref[ فرانكو پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (768-751)، كارۇلىن خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئوردا ۋەزىرى چارلېس مارتېلىنىڭ ئوغلى. مىلادى 741-يىلى دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن نېئوستىرىيە (Neustria) ئوردا ۋەزىرى بولغان. ئۇنىڭ ئاكىسى كارلومان (754-؟ Garloman) ئاۋۇستراسيا ( Austrasie) ئوردىسىنىڭ ۋەزىرى بولغان. مىلادى 747-يىلى كارلومان ئوردىدىن چىقىپ موناستىردا ئولتۇراقلاشقان. پېپىن مېروۋېئې خاندانلىقىنىڭ بىردىنبىر ۋەزىرى بولۇپ قالغان. مىلادىى 751-يىلى پاپانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ مېروۋېئې خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تەختنى تارتىۋېلىپ، كارولىن خاندانلىقىنى قۇرغان. پاپاغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، 754-، 755-يىللىرى ئىككى قېتىم ئىتالىيىگە ئەسكەر چىقىرىپ، لومباردلانى مەغلۇب قىلغان، ھەمدە 756-يىلى راۋېننادىن رېمىنىنى بولغان زىمىنىنى پاپاغا ھەدىيە قىلغان (تارىختا بۇ «پېپىنىنىڭ زېمىن ھەدىيە قىلىشى» دەپ ئاتالغان). بۇ پااپا دۆلىتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئاكۇيتانىيادىكى ئاقسۆڭەكلەر توپىلىڭىنى باستۇرۇپ، سېپتىمانىيىنى (Septimanai، ھازىرقى فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان) بويسۇندۇرغان. فرانكو پا دىشاھلىقىنىڭ جەنۇبىي چېگرىسىنى پىرېنېي تېغىغىچە كېڭەيتكەن. 

پېپىننىڭ زېمىن ھەدىيە قىلىشى

  • پېپىننىڭ زېمىن ھەدىيە قىلىشى[يەشمىسى:]مىلادى 756-يىلى فرانكو دۆلىتىنىڭ پادىشاھى پېپىن (پەتەك) نىڭ پاپاغا زېمىن ھەدىيە قىلغانلىق ۋەقەسىنى كۆرسىتىدۇ. «پېپىن (پەتەك)» كە قاراڭ. 

پېتتىي

  • پېتتىي[يەشمىسى:]Wiliam Petty، 3261 - 7861)]ئەنگلىيە كلاسسىك ئىقتىسادشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىسى، ستاتسىكاشۇناسى، دوختۇرى. خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنى تەسىس قىلىشقا قاتناشقان. 1652-يىلى ئىرلاندىيە يىراققا يۈرۈش ئەسكەرلىرىنىڭ دوختۇرى بولغان. 1654-يىلى كرومۋېلنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىرلاندىيىلىكلەرنىڭ يەر-مۈلۈك ئەھۋالىنى ستاتىستىكىلاپ چىققان. كېيىن چارلېس ⅠⅠ نىڭ ئىشەنچسىگە ئىگە بولغان. 1662-يىلى سېر دېگەن مەرتىۋىگە ئىگە بولغان، ئىرلاندىيىنىڭ يەر-مۈلۈك باش تەپتىشى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئىرلاندىيىنىڭ تەپسىلىي خەرىتىسىنى ئىشلەپ چىققان. ئۇنىڭ ئاساسىي مۇۋەپپەقىيىتى — يېڭى ئىقتىساد ئىلمىنى كەشپ قىلغان. ئىقتىساتشۇناسلىق تەتقىقاتىنى ئوبوروت ساھەسىدىن ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە كېڭەيتكەن. ئەمگەك قىممىتى نەزەرىيىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ئەمگەك ۋاقتى تاۋارنىڭ تەبىئىي باھاسىنى (بۇ ئەمەلىيەتتە قىممەتنى كۆرسىتىدۇ) بەلگىلەيدۇ، دەپ قارىغان. بىراق قىممەت بىلەن باھانى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن. ئۇ يەنە يەر ئىجارىسى ۋە قوشۇمچە قىممەتنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈستىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئىزدەنگەن. ئۇنىڭ «باج ھەققىدە»، «ئىرلاندىيە سىياسىنىڭ ئىچ-باغرىنى يېرىپ كۆرۈش» قاتارلىق ئاساسلىق ئەسەرلىرى بار. 

پېتوفى

  • پېتوفى[يەشمىسى:]Petofh Sandor، 3281 - 9481( ۋېنگرىيەىيە شائىرى، بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى دېموكراتى. كەمبەغەل پۇقرا ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا سەرگەردان سەنئەتچى بولغان. ئەسكەر بولغان. 1842-يىلى «ھاراقكەش» دېگەن شېئىرنى ئېلان قىلىپ، يېزىقچىلىق ھاياتىنى باشلىغان. 1844-يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلدۈرغان ھەمدە «پېشىت مودا گېزىتى» نىڭ ياردەمچى تەھرىرى بولغان. «يېزىلاردىكى بازغان» دېگەن ھەجىۋىي شېئىرى ۋە «ۋەتەنپەرۋەرلەر ناخشىسى»، «پادىشاھقا قارشى تۇرايلى» دېگەن ئىنقىلابىي شېئىرلارنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن شېئىرىيەتتە داڭقى چىققان. پېشىتتا رادىكال ياشلار تەشكىلاتى — «ياش ۋېنگرىيە» گە قاتنىشىپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىنقىلابىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. مەملىكەت ئىچىدە ئۇزۇن مۇساپىلىق ساياھەت قىلىپ، ۋېنگرىيە خەلقىنى ئاۋسترىيىنىڭ مىللىي زۇلمىغا قارشى تۇرۇشقا ئىنقىلابىي شېئىرلار ئارقىلىق سەپەرۋەر قىلغان. 1846-يىلنىڭ ئاخىرىدا شېئىرلىرىنى رەتلەپ، شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرۇشقا تەييارلىق كۆرگەن ھەمدە كىرىش سۆزىدە «ئەركىنلىك ۋە مۇھەببەت» دېگەن مەشھۇر ېكمەتلىك شېئىرنى يازغان. 1848-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى پېشىت خەلقىغە رەھبەرلىك قىلىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى مىللىي قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭچىلارغا «مىللەت ناخشىسى» دېگەن سىياسىي شېئىرىنى ئوقۇپ بېرىپ، خەلقنى مىللىي ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان. ئۇ، «ۋېنگرىيە ئەركىنلىكىنىڭ تۇنجى ئاۋازى» دەپ تەرىپلەنگەن. 1849-يىلى 7-ئايدا «تېرورلۇق پەيتتە» دېگەن ئاخىرقى شېئىرنى ئىجاد قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىدە قۇربان بولغان ھايات ۋاقتىدا كۆپلىگەن ئىنقىلابىي شېئىرلارنى ئىجاد قىلغاندىن باشقا سىياسىي مۇلاھىزە، سەھنە كىتابى، رومان ۋە نەسىر قاتارلىق ئەسەرلەرنىمۇ يېزىپ، ۋېنگرىيە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. 

پېتوفى كۇلۇبى

  • پېتوفى كۇلۇبى[يەشمىسى:]1955-يىلى ۋېنگرىيىدە زىيالىيلارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان تەشكىلات. بۇ تەشكىلات ۋېنگرىيىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر شائىرى پېتوفى نامىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن پېتوفى كۇلۇبى دەپ ئاتالغان. دەسلەپتە ئەمگەكچى ياشلار ئىتتىپاقى ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 1956-يىل 10-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئەمگەكچى خەلق پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىغا ئون نۇقتىلىق تەلەپ قويۇپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىرىش، ئىككىنچى بەش يىللىق پىلانغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئىشچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش، ئىمىر ناگىنىڭ پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەزىپىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ، «ۋېنگرىيە ۋەقەسى» نىڭ يۈز بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 11 - ئايدا «ۋېنگرىيە ۋەقەسى» تىنجىتىلغاندىن كېيىن تارقىتىۋېتىلگەن. 

پېترⅠ

  • پېترⅠ[يەشمىسى:]1) )Алексеевич ПётрⅠ) يەنى ئىمپېراتور پېتىر. چارروسىيە پادىشاھى (1682 — 1725؛ 1721-يىلى ئىمپېراتور دەپ ئاتالغان). 1682-يىلى ئۇكىسى ئىۋان Ⅴ )ИванV (بىلەن بىللە تەختكە ئولتۇرۇپ «ئىككىنچى» چار پادىشاھ بولغان. لېكىن ئاچىسى سوفىيە نايىبلىق قىلغان. 1689-يىلى سوفىيىنى ئاغدۇرۇپ، ئەمەلىي ھوقۇقنى ئىگىلىگەن. 1696-يىلى ئىۋان Ⅴ ئاغرىپ ئۆلگەندىن كېيىن بىردىنبىر پادىشاھ بولغان. پادىشاھ بولغان. 1697-يىلى نامىنى ئۆزگەرتىپ ئادەتتىكى سېرژانت سالاھىيىتى بىلەن ئەلچىلەر ئۆمىكىگە قوشۇلۇپ، چەت ئەلگە چىقىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. («پېتىر ئەلچىلەر ئۆمىكى»گە قاراڭ) ئىككىنچى يىلى روسىيىدىكى «گۋاردىيە» ھەربىي ئۆزگىرىشىدە دۆلىتىگە قايتقان. تەختتىكى مەزگىللىرىدە غەربكە تەقلىت قىلىپ، ئىقتىساد، ھەربىي، مەدەنىي-مائارىپ ۋە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن فېئودال ئىسىتىبداتلىق تۈزۈمىنى كۈچەيتكەن، بۇ تارىختا «پېتىرا ئىسلاھاتى» دەپ ئاتالغان. سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزگەن. 1700 — 1721-يىللىرى شىمال ئۇرۇشىنى قوزغاپ شۋېتسىيىنى يەڭگەن، فىنلاندىيە قولتۇقى، رىگا قولتۇقى ئەتراپلىرىنى ئىشغال قىلىپ، بالتىق دېڭىز ئېغىزىنى تارتىۋالغان. 1722 — 1723-يىللىرى پېرسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، كاسپى دېڭىزىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى رايونلارنى تارتىۋالغان. ئىككى قېتىم تۈركىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىپ قارا دېڭىزنىڭ چىقىش ئېغىزىنى ئېچىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. ھە دېسىلا سىرىتقا تاجاۋۇز قىلىپ، ئۆز پۇقرالىرىغا ئېغىر ئالۋان-سېلىق سالغانلىقتىن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئاستىراخان قوزغىلىڭى، باسجىلىيىلىقلار قوزغىلىڭى ۋە بولاۋىن قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلگەن. (2) )PeterⅠمونتېنېگرودىكى ھاكىميەت بىلەن دىننى بىرلەشتۈرگەن ئاقساقال. 1782-يىلى تاغىسى ساۋېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان. (1782 — 1830). ھاكىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن دۆلەت ئىچىدىكى گۇرۇھلارنىڭ ئىخىلاپلىرىنى تۈگىتىپ، قايتىدىن ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنى تەشكىللىگەن. 1798-يىلى مونتېنېگرونىڭ تۇنجى قانۇنىنى بېكىتكەن. ھەرققايسى ئۇرۇق ۋە قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تارقاق ئىتتىپاقنى تۇرغۇزۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسىنى سالغان. روسىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، تۈركىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان ھەمدە تۈركىيە سۇلتانلىقىنى 1799-يىلى مونىتېنېگرونىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە بوردا رايونىنى قوشۇپ بېرىشكە مەجبۇرلىغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى ناپولېئوننىڭ ياۋروپا كۈرىشىگە تارتىلغان. 1806-يىلى روسىيىگە ماسلىشىپ لاگىسانى تالاشقان، كتور دېڭىز قولتۇقى بويلىرىنى ئىگىلىۋالغان. 1807-يىلى كتور دېڭىز قولتۇقى رايونى فرانسىيىگە بۆلۈپ بېرىلگەن. 1813-يىلى ئەنگلىيە فلوتىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا فرانسىيە كۈچلىرىنى كتور دېڭىز قولتۇقى رايونىدىن قوغلاپ چىقارغان. ۋېنا يىغىنىدا كتور دېڭىز قولتۇقى رايونى ئاۋسترىيىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا بېرىلگەن. ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى ھەر خىل گۇرۇھلار بىلەن ئىتتىپاقلاشقان. 1819 — 1821-يىللىرى ۋە 1828 — 1829-يىللىرىغىچە ئىككى قېتىم تۈركىيە تاجاۋۇزىنى چىكىندۈرگەن. ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلۇغ مۇقەددەس ۋلادىكا» (Vladica، ھۆكۈمرانىنىڭ نامى) دەپ ھۆرمەتلەنگەن. 

پېترا

  • پېترا[يەشمىسى:])Petra( ناپاتا پادىشاھلىقى )Nabataean( نىڭ پايتەختى. گرېكچە «تاش» دېگەن مەنىدە. ئىئوردانىيىدىكى ئاممانغا غەربي جەنۇبتىن 200 كىلومېتر كېلىدىغان جايدا. تەۋرات» تا «سېلا»(Sela) دەپ ئاتالغان، مىلادىدىن ئىلگىرىدىكى Ⅰ ئەسىردە پادىشاھ ئارېتاس ( Ⅲ Aretas (نىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىنتايىن روناق تاپقان. مىلادى 106-يىلى رىم ترايان ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلىنىپ قالغان. Ⅲ ئەسىردىن باشلاپ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان، Ⅶ ئەسىردە تاشلىنىپ قالغان. 1812-يىلى خاربىسى تېپىلغان. جىلغا ئىچىدىكى تاغ باغرىغا ياندااش جايغا تاغ ئۆڭكۈر، ئوردا، خەزىنە، ئەسكەرلەر قەبرىسى قاتارلىقلار ئويۇپ ياسالغان. جىلغىنىڭ ئۇ بېشىدىكى ئوچۇقچىلىق جايدا ئىبادەتخانا، ئوردا، ھاممام ۋە تۇرار جاي بار. يەنە تاشتىن قېزىپ چىقىلغان ئۆستەڭ، يازلىق تىياتىرخانا بار. شەرق شىمالىي قىسمىدىكى تاغ چوققىسىغا چىرايلىق تاش غارلار ئويۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر غارنىڭ كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك، ئۈچ قەۋەتلىك بولۇپ، ئالدى تەرىپى رىم ئوردىسىنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبىغا تەقلىت قىلىنغان. بۇ ئۆتكەن دەۋرلەر پادىشاھلىرىنىڭ قەبرىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىئوردانىيە ئارخبئولوگىيە ئىدارىسى بۇ جايداا قېزىش ئېلىپ بارغان. 

پېترلو پاجىئەسى

  • پېترلو پاجىئەسى[يەشمىسى:] 1819-يىلى 8-ئينىڭ 16-كۈنى ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيە ھۆكۈمىتى ئىشچىلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنى قىرغىن قىلغان ۋەقە. ئەينى چاغدىكى كىشىلەر بۇ ۋەقەنى ۋاتېرلوجېڭى» غا ئوخشىتىپ مەسخىرە قىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. فرانسىيىگە قارشى بىرنەچچە يىل ئۇرۇش قىلغانلىقتىن، ئەنگلىيىنىڭ ئىقتىسادىي تۆۋەنلەپ، ھۆكۈمەت بارغانسېرى ئەكسىيەتچىلىشىپ، خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان، بۇرژۇئازىيە لىبېرالىستلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئەدەب كەتكەن، ئىشچىلار ۋە شەھەر ئاھالىسى دائىم يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، نامايىش قىلىپ پارلامېنتقا تەلەپ قويغان. 1819-يىلى 8 - ئاينىڭ 16-كۈنى، 60 مىڭدىن ئوشۇق كىشى مانچېستېرنىڭ سان پېتېر مەيدانىغا يىغىلىپ، سايلام ئىسلاھاتىى ئېلىپ بېرىشنى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى ۋە ئاشلىق نىزامىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى قانلىق باستۇرغان، جەمئىي 11 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، 600 دىن ئوشۇق ئادەم يارىدار بولغان، ۋەقەدىن كېيىن ھۆكۈمەت تەرەپ «ئالتە ماددىلىق قانۇن» نى ئېلان قىلىپ، سۆز، يىغىلىش ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلىگەن. 

پېتروۋسكى

  • پېتروۋسكى[يەشمىسى:]Гриторий Иванович Петровский)سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېت پىرىزدىئومنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. قول-ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1895-يىلى ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. 1898-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1905-يىلىدىكى ئىنقىلاب دەۋرىدە يېكاتىرىنوسلاۋ ئىشچىلار ۋەكىللىرى سوۋېتى ۋە شەھەرلىك ئىش تاشلاش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. 1912-يىلى تۆتىنچى نۆۋەتلىك دۆلەتلىك دۇما بولشېۋىكلار پارتىيە ئۆمىكىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1914-يىلى قولغا ئېلىنىپ، ئىككىنچى يىلى ئۆمۈرۋايەتلىك سۈرگۈن قىلىنىشقا ھۆكۈم قىلىنغان. 1917-يىلىدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن پېتىر گىرادقا قايتىپ، ئۆكتەبر قوراللىق قوزغىلىڭىنى تەشكىللەشكە قاتناشقان. 1917 — 1919-يىللىرى سوۋېت روسىيە ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى بولغان، 1937 — 1938-يىللىرى ئالىي سوۋېت پىرىزدىئومنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1940-يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنقىلابىي مۇزىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا (1921 — 1939) ۋە سىياسىي بيۇرونىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا (1926 — 1939) سايلانغان.

پېترى

  • پېترى[يەشمىسى:]William Matthew Flindrs Petrie،1853 — 1948)ئەنگلىيە ئارخېئولوگى. ياش ۋاقتىدا ئەنگلىيىدە «ھالقىسىمان تاشلار» نى تەتقىق قىلغان. 1881-يىلدىن باشلاپ، مىسىردا بىر قاتار ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە قېزىش ئېلىپ بېرىپ، ئاساسلىقى ناچادا(Naqada) دىن ئالدىنقى خاندانلىق دەۋرىگە ئائىت قەبرىلەرنى، ئابىدوس (Abydos) تىن بىرىنچى. ئىككىنچى خاندانلىق دەۋرىگە ئائىت پادىشاھ قەبرىلىرىنى قېزىپ چىقىپ، دەسلەپكى خاندانلىق دەۋرىگە ئالاقىدار ھەر خىل مەدەنىيەت قاتلاملىرىنىڭ قىياپىتىنى ئېنىقلاپ بەرگەن. «مىسىر-ئەنگلىيە ئارخېئولوگىيە ئىنستېتۇتى» نى قۇرۇپ چىققان. مىسىرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا پەلەستىن رايونىدا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىقات قىلىش ئېلىپ بارغان. «مىسىر تارىخى»، «ئارخېئولوگىيىلىك ئۇسۇل ۋە مەقسەد»، «مەدەنىيەتلىك ئىنقىلاب» ۋە ھەر قېتىملىق قېزىلمىلار ھەققىدىكى دوكلاتلىرى قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

پېتليورا

  • پېتليورا[يەشمىسى:]Симон ваcилbевич Петлюра، 1879 — 1926) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئۇكرائىنادىكى ئەكسىلئىنقىلابىي بۇرژۇئا مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئىلگىرى ئوكرا ئىنا ئۇششاق بۇرژۇئا سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە روسىيە يەرلىك ئاپتونومىيە بىرلەشمىسىنىڭ غەربىي سېپىدە باش تەپتىش كومىتېتىنىڭ ردئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۇكرائىنالاردا ( Лала، يەنى مەركىزىي كومىتېت ئورگىنى) ھەربىي كومېتىتىنىڭ رەئىسى بولغان. گېرمانىيە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندىن كېيىن كىيۋ ئۆلكىسىنىڭ يەرلىك ئاپتونومىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1918-يىلى 11-ئايدا ئۇكرائىنا گېرمانىيە ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن يەنە «ئىجرائىيە كابىنېت» تەشكىللەپ، ھەربىي، مەمۇرىي ئىشلاردا مۇھىم ۋەزىپە تۇتقان. 1919-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن تار مار قىلىنغاندىن كېيىن، قالدۇق قوشۇننى باشلاپ ۋارشاۋاغا قېچىپ كەتكەن . ئىككىنچى يىلى پولشانىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بەرگەن، لېكىن مەغلۇپ بولۇپ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1924-يىلى پارىژدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان، كېيىن يەھۇدىي بۇرژۇئازىيە مىللەتچىلىرى تەرىپىدىن سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن .

پېتېرⅠ ئىسلاھاتى

  • پېتېرⅠ ئىسلاھاتى[يەشمىسى:]چار پادىشاھى پېتېر Ⅰپومېشچىكلار سىنىپى ۋە يېڭىدىن باش كۆتەرگەن سودىگەرلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىسلات. سىياسىي جەھەتتە ئاقسۆڭەكلەر دۇمانىسنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، زوراغالىق مەھكىمىسى (1711) نى تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭ تارىمىقىدا Ⅱ كومىتېت قۇرۇپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىزئارمىيىسى، دىپلوماتىيە ۋە مالىيە قاتارلىقلارنى باشقۇرغان. چوڭ ئېپىسكوپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دىنىي پالاتا قۇرۇپ، چېركاۋلارنى چار پادىشاھقا بويسۇندۇرغان. تۆھپىسىگە قاراپ ئەمەل بېرىپ، ئائىلە كېلىپ چىقىشى بويىچە ئۆستۈرۈش، يۆتكەش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. پۈتۈن مەملىكەتنى دەسلەپكى قەدەمدە سەككىز مەمۇرىي رايونغا بۆلگەن. كېيىن 47 ئۆلكە قېلىپ قۇرۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا باش ۋالىي ۋە ئۆلكە باشلىقى تەيىنلىگەن. ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن. ھەربىي ئىشلار جەھەتتە، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ،دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇرغان، ئەسكەر قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھەربىر ئائىلىدىن ئەسكەر ئالغان. پېتېرⅠھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئاخىرقى يىللىرى 200 مىڭ كىشىلىك قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋە 48 ئۇرۇش پارخوتىغا ئىگە دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇلغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە، مىتاللۇرگىيە، توقۇمچىلىق ۋە كۆنچىلىك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرغان؛ سودىگەرلەرنى زاۋۇت-كانلارغا مەبلەغ قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن؛ پۈتۈن يېزىدىكى يانچىلارنى سېتىۋېلىپ زاۋۇتلاردا ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلغان؛ چەت ئەللىك تېخنىكلارنى ۋە مۇتەخسىسلەرنى تەكلىپ قىلغان ؛ چەت ئەللىكلەرنىڭ روسىيىدە زاۋۇت ئېچىشىغا يول قويغان. يانچىلارغا بولغان ئېكسپىلاتاتسىيىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈتۈن بېجىنى ئادەم بېشىغا ئېلىنىدىغان باجغا ئۆزگەرتىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت جەھەتتە، پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇرۇپ، مەكتەپلەرنى ئېچىپ، ئاقسۆڭەكلەر ئىچىدىن ھەربىي، مەمۇرىي تايانچلارنى يېتىشتۈرگەن، رۇس يېزىقىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تۇنجى نۇسخا يېزىقىدىكى «ئاخبارات گېزىتى» نى نەشىر قىلدۇرغان، چەت ئەلگە ئوقۇغۇچى چىقارغان، دوختۇرخانا، تىياتىرخانا قاتارلىق ئورۇنلارنى ئاچقان. شۇ ئارقىلىق ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىي كۈچ ۋە ھوقۇق مەركەزلەشكەن فېئودال ئىستىبداتلىق تۈزۈمىنى كۈچەيتكەن.

پېتېرⅡ

  • پېتېرⅡ[يەشمىسى:])PeterⅡ، 1812 — 1851) مونتېنېگرودىكى ھاكىمىيەت بىلەن دىننى بىرلەشتۈرگەن باشلىق، شائىر. 1830-يىلى تاغىسى پېتېر Ⅰ نىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان (1830 — 1851). ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرىدە دۆلەتنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇشىنى ئىسلاھ قىلىپ، يەرلىك زوراۋانلارنى ئاجىزلاتقان ۋە مەركەزنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن. 1831-يىلى سېدىنىيې دېگەن جايدادائىملىق سىناتتەسىس قىلغان، 1516-يىلىدىنباشلاپ تۇرغۇزۇلغان خەلق ئىشلىرى باش ۋالېيلىق ۋەزىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى دەھرىي ھوقۇقىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. سىرتقا قارىتا تۈركىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرغان. 1838 — 1840- يىللىرى ئاۋسترىيە بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرىسىنى ئايرىغان. ئۇنىڭ «تاغ ئۈستىدىكى گۈلتاج» ناملىق مەشھۇر تارىخىي داستانى بولۇپ، بۇنىڭدا مونتېنېگرۇنىڭ تۈركلەرگە قارشى كۈرەش داۋامىدىكى قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان.

پېېتېرارك

  • پېېتېرارك[يەشمىسى:]Francesco Petrfrch، 1304 — 1374) ئىتالىيىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى شائىر ھەم گۇمانىزمچىسى. ئارېززو شەھىرى (Arezzo، فىلورېنزې جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە) دىكى بىر گوۋاھچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1302-يىلى دادىسى دانتې بىلەن بىرلىكتە فىلورېنزې پارتىيە ماجىراسىغا قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئائىلىسى بويىچە سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن پېتېرارك فرانسىيىنىڭ مونتپېللېر (Montpellier)ۋە ئىتالىيىنىڭ بولوگنا(Bologna) دېگەن شەھىرىدە قانۇنچىلىقنى ئۆگەنگەن. 1326 يىلى كاتولىك دىنىنىڭ مىسسىئونېرى بولغان، 1332 — 1333-يىللىرى ياروپانى ساياھەت قىلغان. بۇ جەرياندا قەدىمكى يۇنان ۋە رىمغا دائىر ئەسەرلەرنى توپلاپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن ئىلاھنى ئەمەس بەلكى ئىنساننى مەركەز قىلغان بىر خىل دۇنيا قاراشنى تېپىپ چىقىپ، بىرىنچى بولۇپ «ئىنسانشۇناسلىق» بىلەن ئىلاھىيەتنىڭ قارىمۇ قارشىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن توسكانا (ئىتالىيان تىلىدا) شۋېتسىيىدە يېزىلغان لىرىكىلار توپلىمى «غەزەليات» بولۇپ، بۇنىڭدا قىز دوستى لورانغا بولغان يالقۇنلۇق مۇھەببىتى ھەمدە ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى يۈكسەك ئارزۇ-ئارمىنى ئىپادىلەنگەن؛ لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان «ئافرىقا» دېگەن مەشھۇر داستانىدا 2-قېتىملىق پۇنى ئۇرۇشى مەزگىلىدە رىم قوماندانى سىسپىئو كارفاگېننىڭ مەشھۇر قوماندانى گاننىبالنى يەڭگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا «تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر» نى يېزىپ، رىم ۋاتىكاننىڭ ئەيش-ئىشرەت ۋە كەيىپ-ساپالىق تۇرمۇشىنى قاتتىق سۆككەن. پېتېرارك ئون تۆت مىسرالىق لىرىك شېئىرلىرىنى يېزىشقا ماھىر بولۇپ، شائىرلىق تاجىنى كىيىشتەك شۆھرەتكە ئېرىشكەن.

پېتېر ئەلچىلەر ئۆمىكى

  • پېتېر ئەلچىلەر ئۆمىكى[يەشمىسى:]1697 — 1698-يىللىرى چار پادىشاھ پېتېر Ⅰ نىڭ غەربىي ياۋروپانى زىيارەت قىلىشقا بارغان دىپلوماتىك ئەلچىلەر ئۆمىكى. بۇ ئۆمەك تەخمىنەن 250 ئادەمدىن تەرKHB تاپقان، باش ئەلچى لېفورت (Ф. Я. Лефорт، 1656 — 1699)، گولوۋىن قاتارلىقلار باشچىلىق قىلغان. پېتېرⅠئىسمىنى ئۆزگەرتىپ بۇ ئۆمەككە قاتناشقان ھەمدە ئەمەلىي رەھبەر بولغان. تۈركىيىگە قارشى ئىتتىپاقداشلارنى تېپىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغان، لېكىن پولشا كورۇلى ئاۋگۇست Ⅱ بىلەن شەرتنامە تۈزۈپ، شىۋېتسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن. ئەلچىلەر ئۆمىكى گوللاندىيە، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق غەربىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، ھەربىي ۋە مەدەنىيىتى، پەن-تېخنىكىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، زاۋۇت- كانلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كېمىسازلىقنى تەتقىق قىلىپ، قورال-ياراق سېتىۋالغان، ياللىغان ماتروس، توپچىلار ۋە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇپ جەمئىي 1000 دىن ئوشۇق كىشىنى ئېلىپ كەلگەن. پېتېر Ⅰنىڭ ئىسلاھاتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. كېيىن روسىيىدىكى گۋاردىيىچىلەرر توپىلاڭ كۆتۈرگەنلىكتىن مۇددەتتىن ئىلگىرى دۆلىتىگە قايتقان.

پېتېرىس

  • پېتېرىس[يەشمىسى:]Karl Peters، 1856 —1918) گېرمانىيىك مۇستەملىكىچى ھەم ئېكسپېدىتىيىچى. گوتتىنگېن، توبېنگېن، بېرلىن ۋە لوندون قاتارلىق شەھەرلەردە ئوقۇغان. 1884-يىلى «گېرمانىيە مۇستەملىكە جەمئىيىتى» نى قۇرغان ۋە ئېكسپېدىتسىيىچىلەرنى باشلاپ ئوتتۇرا ئافرىقىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئۇسلىگارا (Usagara)، ئۇكامى (Dkami)، نىگۇلۇ ( Ngouloum) ۋە ئوسېگۇخا ( Useguha) قاتارلىق جايلارنى گېرمانىيىنىڭ زېمىنى دەپ ئېلان قىلغان. 1885-يىلى گېرمانىيىگە قارام شەرقىي ئافرىقىنى قۇرۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت مۇستەملىكىچى ئەمەلدار بولغان. 1896-يىلى نېگىرلارنى خورلىغانلىقى ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان. كېيىن يەنە لوندوندا ئېكسپېدىتسىيە شىركىتىنى ئاچقان. 1889 — 1901-يىللىرى زامبېز دەرياسى بىلەن سابې (Sabie)دەرياسى ئارىلىقىدىكى رايونلارنى چارلاپ قەدىمكى شەھەرنىڭ ئىزى ۋە ئالتۇن، مىس كانلىرىنى تاپقان. «نېگىرلار ئافرىقىسىنىڭ تاڭ نۇرى»، «زامبېز دەرياسى بىلەن سابې دەرياسى ئارىلىقىدىكى رايونلاردا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش خىزمىتى»، «گېرمانىيىگە قارام شەرقىي ئافرىقىنىڭ قۇرۇلۇشى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

پېتېلى قانۇنى

  • پېتېلى قانۇنى[يەشمىسى:]يەنى «پېتېلى-پاپىرىئو قانۇنى» (Lex Poetelia Papiria ) قەدىمكى رىمدا ئاددىي پۇقرالارغا قارىتىلغان قەرزدار قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش ھەققىدە چىقىرىلغان بىر قانۇن. مىلادىدىن 326 يىل ئىلگىرى (يەنە بىر ئېيتىشلارغا قارىغاندا مىلادىدىن 313 يىل ئىلگىرى ئارخون پېتېلى (Poetelius) بىلەن پاپىرىئو (Papirius) ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ماقۇللانغان. ئاساسلىق مەزمۇنى: قەرزنى ھۆددە قىلىش ياكى قايتۇرۇپ بېرىشتە قەرزدارنىڭ جىسمى ئەمەس، بەلكى مال-مۈلكى بولۇشى كېرەك، دېگەندىن ئىبارەت. قەدىمكى رىم تارىخچىسى لىۋىنىڭ خاتىرە قالدۇرۇشىچە، ئىلگىرى قەرزدار بولۇپ قۇللۇق ئورنىغا چۈشۈپ قالغانلار قويۇۋېتىلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن قەرزدار بولغان رىم پۇقرالىرىنى قۇل قىلىش مەنئى قىلىنغان. بۇ قانۇننىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى نامەلۇم. بۇ ئىش رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە پۇقرالارنىڭ ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى كۈرىشىنىڭ بىر قېتىملىق مۇھىم غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ.

پېتېن

  • پېتېن[يەشمىسى:]Henri Philippe Petain، 1856 — 1951)فرانسىيە ۋىشى (BNШN) ياكى (Vichy) ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى، ساتقىن. 1878-يىلى سېن-سىر ( CEH-CNP) ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ۋېردېن ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىشقا قاتناشقان. 1917-يىلى 4-ئايدا، باش شتاب باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ، 5-ئايدا فرانسىيە ئارمىيىسى باش قوماندانى بولغان. 1918-يىلى مارشال ئۇنۋانى ئالغان. 1920 — 1931-يىللىرى ئەڭ ئالىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1925 — 1926-يىللىرى فرانسىيە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، مەراكەش خەلق قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1931-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش تەپتىشى بولغان. 1934-يىلى 2-11-ئايلاردا قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. فاشىستلارغا ئىزچىل ھېسداشلىق قىلىپ ۋە يول قويۇپ كەلگەن. 1939 — 1940-يىللىرى ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇل بولۇپ، فرانكو ھۆكۈمىتىنى ئاكتىپ قوللىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مەغلۇبىيەتچىلىك مەيدانىدا تۇرۇپ، 1940-يىل 6-ئاينىڭ 16-كۈنى زۇڭلى بولۇپ، 22-كۈنى «كومپېن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، گېرمانىيىگە تەسلىم بولغان. 1940 — 1944-يىللىرى ۋىشى ھۆكۈمىتىنى تەشكىل قىلىپ، ئۆزىنى فرانسىيە دۆلەت باشلىقى دەپ بەلگىلىۋالغان. 1945-يىلى 4-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، 8-ئايدا، دۈشمەن بىلەن تىل بېرىكتۈرگەن دېگەن جىنايەت بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، كېيىن ئۆمۈرلۈك تۈرمە جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن، كېسەل بىلەن ئۆلگەن.

پېتىئون

  • پېتىئون[يەشمىسى:]Jerome Petion de Willeneuve، 1756 — 1794) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي دەۋرىدىكى سىياسىي ئەرباب. تەپتىش ئەمەلدارى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. چارتر( Chartres)دا ئادۋوكات بولغان. 1789-يىلى ئۈچىنچى تەبىقە ۋەكىلى بولۇپ ئۈچ تەبىقە يىغىنىغا قاتناشقان. كېيىن ياكوبىن كۇلۇبىغا قاتنىشىپ، گىروندىچى بولۇپ، جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى ۋە دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1791-يىلى 6-ئايدا پادىشاھ ۋارېنن ( Varennes) غا قېچىپ كېتىپ تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، پارلامېنتنىڭ تەيىنلىشى بىلەن بارناۋ قاتارلىقلار بىلەن تەكشۈرۈشكە بارغان ھەمدە پادىشاھنى سوت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 11-ئايدا پارىژنىڭ شەھەر باشلىقىلىقىغا سايلانغان. 1792-يىل 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ھەرقايسى رايونلارغا ۋەكالىتەن قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىغا پادىشاھنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى مىللىي ئۇيۇشمىنىڭ تۇنجى باشلىقى بولغان. پادىشاھقا ھۆكۈم چىقىرىشنى ئاۋازغا قويغاندا، ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈشنى قوللىغان. تاغلىقلارغا قارشى تۇرغانلىقتىن، 1793-يىلى 6-ئايدا باشقا گىروندىچىلار بىلەن بىرلىكتە مىللىي ئۇيۇشمىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. كېيىن توپىلاڭ كۆترمەكچى بولۇپ ئىشقا ئاشۇرالماي، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۇنىڭ «ئەسلىمە» سى بار.

پېتىئون

  • پېتىئون[يەشمىسى:]Alejandro Sabes Petion، 1770 — 1818) ھايتى زۇڭتۇڭى (1807 — 1818). مولاتولاردىن. 1798-يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى ھايتىدىن قوغلاپ چىقىرىش جېڭىگە قاتناشقان، ئىككىنچى يىلى تۇسسېن لوۋېرتيۇرغا قارشى پائالىيەتكە قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1802-يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى بىلەن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن، كېيىن قايتىدىن ھايتى قوزغىلاڭچى قوشۇنىغا قاتناشقان. 1807-يىلى ھايتى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان. 1811-يىلى يەنە بىر قېتىم سايلانغان. 1816-يىلى ئۆمۈرۋايەتلىك زۇڭتۇڭ بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە، فرانسىيىنىڭ چوڭ ئېكىنزارلىقلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ ، يەرلەرنى دېھقانلارغا بۆلۈپ بەرگەن. 1816-يىلى قاچقۇن بولىۋارنى كۈتۈۋالغان ھەمدە ئۇنىڭغا ۋېنسۇئېلادىكى نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش شەرتى بىلەن ھەربىي ياردەم بېرىپ، ئىسپانىيىگە قاراشلىق جەنۇبىي ئامېرىكا مۇستەملىكىلىرىنى، ئازادىلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان.

پېچېنەكلەر

  • پېچېنەكلەر[يەشمىسى:]تۈركىي قوۋملارنىڭ بىر تارمىقى. مىلادى Ⅷ ئەسىرىدىن Ⅸ ئەسىرگىچە ۋولگا دەرياسى بىلەن ئورال تېغى ئارىلىقىدىكى جايلاردا ياشىغان. Ⅹ ئەسىردە ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن دۇناي دەرياسى دىلتىسىگىچە بولغان كەڭ رايونلارنى كونترول قىلغان. Ⅹ ئەسىرىدىن Ⅺ ئەسىرىگىچە رۇس ۋە ۋىزانتىيىگە دائىم ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىچكى قىسمدىكى ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى تېز سۈرئەتتە پارچىلانغان. كېيىنكى چاغلاردا ھەرقايسى جايلاردىكى پېچېنەكلەر بارا-بارا شۇ جايدىكى مىللەتلەر بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن.

پېدروⅠ

  • پېدروⅠ[يەشمىسى:]1) (Pedrol I ، 1320 — 1367) پورتۇگالىيە بۇرگۇندىيە سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1357 — 1367). ئالفونىسو Ⅳ نىڭ ئوغلى. پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان مەزگىللىرىدە رىتسارلار ۋە شەھەر ئاھالىسىگە تايىنىپ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرگەن، شەخسەن ئۆزى ئەدلىيە ئىشلىرىنى سورىغان ۋە توپىلاڭ كۆتۈرگەن ئاقسۆڭەكلەرنى قاتتىق جازالاپ، چېركاۋنىڭ تەسىرىنى چەكلىگەن. تەختكە چىقىشتىن ئىلگىرى كېنىزەك ئېنېس دې كاسترو(Ines de Castro) بىلەن بىر مەزگىل ئاشنا ئويناپ يۈرگەن، 1355-يىلى ئۇنىڭ دادىسى ئىنىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، بۇ ۋەقە كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە پورتۇگالىيە شائىرى كامېسنىڭ مەشھۇر ئېپىك داستانى «لوستانىيە ناخشىسىنى» («لوسىياد» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ تېمىلىرىدىن بىرى قىلىنغان؛ شۇ سەۋەبتىن پېدرونىڭمۇ داڭقى چىققان. (2) 1798 — 1834 Dom Pedrol de Alcantara برازىلىيە ئىمپېراتورى (1822 —1831). پورتۇگالىيە كورۇلى جۇئاۋ Ⅵ نىڭ ئوغلى. 1820-يىلى برازىلىيىدە نايىپ بولغان. 1822-يىلى برازىلىيە مۇستەقىل بولۇپ، ئىمپېرىيە قۇرغان ۋە ئۆزى پادىشاھ بولغان. 1824-يىلى چوڭ پومېشچىك، چوڭ ئېكىنزار ئىگىلىرى ۋە چوڭ سودا بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاساسىي قانۇنىنى ئېلان قىلىنغان ھەمدە پادىشاھلىق-ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنى ئورناتقان، لېكىن پادىشاھ يەنىلا تۈرلۈك ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولغان. ئىچكى جەھەتتە جۇمھۇرىيەتچىلىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇپ، سىرتقا قارىتا پورتۇگالىيىنىڭ ئوردا كۈرىشىگە قاتناشقان ھەمدە برازىلىيىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەنگلىيىگە بېقىندۇرۇپ قويغان. 1825 — 1828-يىللىرى ئورۇگۋاينى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئارگېنتىنا بىلەن ئۇرۇش قىلغان. 1831-يىلى خەلق قوزغىلىڭى پارتلاپ، تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان، شۇ يىلى ئالتە ياشلىق ئوغلى فېدرو Ⅱ تەختكە ۋارىسلىق قىلغان، ئۇزۇن ئۆتمەي ياۋروپاغا قېچىپ كەتكەن.

پېدروⅡ

  • پېدروⅡ[يەشمىسى:]1) (Ⅱ Pedro، 1648 — 1706) پورتۇگالىيە كورۇلى (1683 — 1706). ئالفونىسو Ⅵ (Alfanso Ⅵ، 1643 — 1683) نىڭ ئىنىسى. 1667-يىلى خانىكە مارىيە فرانسوۋ (Marie Fransoise Elizabeth de Savoie- Nemours،؟-1683) بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. ۋە ئالفونىسو Ⅵ نى نەزەربەند قىلىپ ئۆزى نايىب بولغان. 1668-يىلى ئىسپانىيە بىلەن سۈلھ قىلىشىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا خاتىمە بەرگەن. 1683-يىلى ئالفونىسو Ⅵ ئۆلگەندىن كېيىن، پادىشاھلىق تەختكە ئولتۇرغان. پادىشاھ بولغان مەزگىللىرىدە ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارلامېنت چاقىرىشنى توختاتقان. 1703-يىلى ئەنگلىيە بىلەن «مېشئوئېن شەرتنامىسى» تۈزگەن. ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە، گوللاندىيە ۋە ئاۋسترىيە تەرەپتە تۇرۇپ فرانسىيە بىلەن ئۇرۇشقان، لېكىن ئوتتۇرىدىن ھېچقانداق نەپ ئالالمىغان. (2) (Dom Pedro ⅡDe Alcantara، 1825 — 1891) برازىلىيە ئىمپېراتورى (1831 — 1889)، 1831-يىلى پېددورو Ⅰ نىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. دەسلەپ نايىبلار كېڭىشى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 1840-يىلىدىن ئېتىبارەن ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. تەختتىكى مەزگىللەردە، قۇللۇقنى بىكار قىلىش ھەرىكىتى ۋە جۇمھۇرىيەت ھەرىكەتلىرىنى كۆپ قېتىم باستۇرۇپ لىبېرال پومېشچىك ۋە بۇرژۇئازىيىگە يول قويۇش سىياسىتىنى قوللانغان؛1851 — 1852-يىللىرى ئارگېنتىناغا قارشى ئۇرۇش قوزغىغان. 1865 — 1870-يىللىرى يەنە ئارگېنتىنا، ئورۇگۋاي بىلەن بىرلىشىپ پاراگۋايغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، تېرىتورىيىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە قۇللار قوزغىلىڭى ۋە قۇللۇقنى بىكار قىلىش ھەرىكەتلىرى كەسكىنلەشكەن، نەتىجىدە 1888-يىلى قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش قانۇنىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، بارلىق نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلغان. 1889-يىلى11-ئايدا فونسېكا (Manuel Deodoro da Fonseca، 1827 — 1892) قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر ئارمىيىسى قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىش غەلىبە قىلىپ، ئىمپېرىيە تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، قوشما شتاتلىق جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. پېدروⅡياۋروپاغا قوغلاندى قىلىنغان. 

پېرېننې

  • پېرېننې[يەشمىسى:]Henri Pirenne، 1862 — 1935) بېلگىيە تارىخشۇناسى. لېيژ ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇغان، كېيىن لېيپسېگ، بېرلىن، پارىژ ئۇنىۋېرستېتىنىڭىغا بېرىپ ئوقۇغان. 1886 — 1930-يىللىرى گېنت ئۇنىۋېرستېتنىڭ تارىخ پروفېسسورى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيىگە قارشى ھەرىكەتكە قاتناشقا.ئىككيى تۈرمىگەقامالغان. ئاساسەن ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىنى تەتقىق قىلىپ، قەدىمكى يۇنان-رىم دەۋرىدىن ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىغا ئۆتكەن دېگەن ئالاھىدە كۆز قاراشنى ياراتقان. «خەلقئارا ئىلمىي جەمئىيەت» نىڭ تۇنجى رەئىسى (1920 — 1923) بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «بېلگىيە تارىخى»، «نېدېرلاندىيە قەدىمكى زامان دېموكراتىيىسى»، «ئوتتۇرا ئەسىردىكى شەھەرلەرنىڭ مەيدانىغا كېلىشى ۋە سودىنىڭ گۈللىنىشى» قاتارلىقلار بار.

پېررى

  • پېررى[يەشمىسى:]Matthew Calbraith Perry،1794 — 1858)ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە برىگادىرگېنېرالى، شەرقىي ھىندىستان فلوتىنىڭ قوماندانى. 1809-يىلى دېڭىز ئارمىيىسىدە ئىشلىگەن.1837-يىلى «فوردون»ناملىق ھەربىي پاراخوتنىڭ باشلىقى بولمىغان، كېيىن پاراخوتنى باشلاپ ئافرىقىغا بارغان. 1847-يىلى ئامېرىكا-مېكسىكا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1853-يىل 7-ئايدا ئامېرىكا فلوتىنى باشلاپ ياپونىيىگە بارغاندىن كېيىن، 1854-يىلى 2-ئايدا يەنە بىر فلوتنى باشلاپ ياپونىيىگە بېرىپ، شېننەيچۇەندە تۇرۇپ، ياپونىيىنى «ياپونىيە-ئامېرىكا يارىشىش شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان.

پېررىنىڭ دەرۋازىنى قېقىشى

  • پېررىنىڭ دەرۋازىنى قېقىشى[يەشمىسى:] ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىنى «دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىش»قا قورال كۈچى بىلەن مەجبۇر قىلىش ۋەقەسى. 1853-يىلى 7-ئايدا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە برىگادىرگېنېرالى پېررى ئامېرىكا فىلوتىنى باشلاپ جياڭفۇغا كىرىپ،ي اپونىيە بارگاھ دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن سودا شەرتنامىسى تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۇرۇش قىلىش بىلەن تەھدىت سېلىپ، شوگناتنى دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلىشقا قىستىغان.1854-يىلى 2-ئايدا پېررى فلوت باشلاپ يەنە بىر قېتىم ياپونىيىگە كېلىپ، شوگناتنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قورال كۈچى بىلەن قىستىغان، 3-ئايدا ياپونىيىنى شېننەيچۇەندە «ياپونىيە-ئامېرىكا يارىشىش شەرتنامىسى» (ئاددەتتە «شېننەيچۇەن شەرتنامىسى» دېيىلىدۇ) نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلىغان. شياتيەن، خاكوداتې سودا ئېغىزلىرىنى ئاچقۇزغان، شۇنىڭ بىلەن چەت ئەللەرنىڭ ياپونىيىگە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقى باشلانغان. پېررى پاراخوتلىرى قارا سىر بىلەن سىرلانغانلىقى ئۈچۈن «قارا پاراخوت قەۋەسى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

پېرس

  • پېرس[يەشمىسى:]1) فرانكلىن پېرس (Franklin Pierce،1804— 1869) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1853 — 1857). دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. يېڭى ھامپشىر (New Hampshire)شتاتىدا تۇغۇلغان. 1824-يىلى پودوئىن ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1827-يىلى ئادۋوكات بولغان. 1833 — 1842-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قوشما شتات ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىنىڭ ئەزاسى بولغان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلىدە غەربنى ئېچىشنى تېزلىتىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ قۇللۇق تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىشنى قوللىغان، 1854-يىلى «كانزاس-نېبراسكا قانۇنى» نى ئىمزالاپ، كانزاس ئىچكى ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (2) چارلېس ساندېس پېرس(Charles Sanders Peirce،1839 — 1914). ئامېرىكا ئىدېئالىزملىق پەيلاسوپى، پراگماتىزمغا ئاساس سالغۇچى. 1859-يىلى ھاۋرې ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1861-يىلى ئامېرىكا دېڭىز ياقىلىرىنى ئۆلچەش ئىدارىسىدە ئىشلىگەندە، دېڭىز-ئوكيان ئاسترونومىيە كالېندارىنى تۈزۈشكە ياردەملەشكەن. 1872-يىلى يەر شارىنىڭ زىچلىقى ۋە ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى توغرىسىدىكى تەتقىقات ۋە سىناق نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغان. 1877-يىلى دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى باكالاۋرلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. خارۋارد ۋە جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغا. 1878-يىلى «پراگماتىزم»دېگەن سۆزنى تۇنجى قېتىم ئىجاد قىلىپ، بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن. ئۇ، ھەرقانداق بىر ئۇقۇمنىڭ پۈتكۈل مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتى ئۇنىڭ ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۈنۈمدە بولىدۇ، دېگەننى پراگماتىزمنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى قىلغان. شۇنداقلا ئۇ ئامېرىكىدا ماتېماتىكىلىق لوگىكىنى ئەڭ بۇرۇن تەتقىق قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئەسەرلىرىدىن «فوتومېترىيە تەتقىقاتى»، «لوگىكا ماقالىلىرى توپلىمى» قاتارلىقلار بار. 1931 — 1958-يىللىرى «پېرس ئەسەرلىرى» دىن سەككىز توم نەشىر قىلىنغان.

پېرشىڭ

  • پېرشىڭ[يەشمىسى:]John Joseph Pershing،1860 — 1948) بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ياۋروپاغا بارغان ئامېرىكا يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى. 1886-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1886 — 1890-يىللىرى ئىندىئانلارغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1897 — 1898-يىللىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1899-يىلدىن ئېتىبارەن فىلىپپىندە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قوشۇنىدا تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، مۇسۇلمانلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى قايتا-قايتا باستۇرغان. 1916-يىلى ئامېرىكا-مېكسىكا چېگرا جېڭىگە قوماندانلىق قىلغان، 1917-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكا يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنىنى باشلاپ، ياۋروپادا گېرمانىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان، 1919-يىلى بەش يۇلتۇزلۇق شاڭجياڭ ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان، 1921 — 1924-يىللىرى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. «دۇنيا ئۇرۇشىدىكى سەرگۈزەشتلىرىم» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

پېرىسېپولىس

  • پېرىسېپولىس[يەشمىسى:]Persepolis)قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختلىرىدىن بىرى. ھازىرقى ئىراننىڭ شېرازى شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تەخت-جەمشىد(Takhte Jamshid)ئەتراپىغا جايلاشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرۇلغان. شەھەر ئىچىدە كۆلىمى غايەت چوڭ بولغان خان ئوردىسى، جۈملىدىن دارانىڭ قوبۇلخانىسى، شېرشېس Ⅰ نىڭ يۈز تۆۋرۈكلۈك زالى، قاناتلىق مۇقەددەس كالا ھەيكىلى بىلەن زىننەتلەنگەن ئوردا دەرۋازىسى، شۇنىڭدەك مەرمەر تاشتىن ياسالغان قاپارتما نەقىشلىك پەلەمپەي قاتارلىقلار بار بولۇپ، تولىمۇ كۆركەم ۋە چىرايلىق. مىلادىدىن، 33 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيىلىك ئالېكساندىرنىڭ ئارمىيىسى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان (120 مىڭ تارانتوم ئالتۇن-كۈمۈشنى بۇلاپ كەتكەن). ⅩⅩ ئەسىردىن بۇيان ئارخېئولوگلار خارابىلەرنى قېزىپ، نۇرغۇنلىغان ئاسار-ئەتىقىلەرنى تېپىپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مۇھىم ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتكەن.

پېرسىيە دەستۇرى

  • پېرسىيە دەستۇرى[يەشمىسى:] «ئاۋېستا»غا قاراڭ. 

پېرسىيە دىنى

  • پېرسىيە دىنى[يەشمىسى:] «زورو ئاستېر دىنى»غا قاراڭ.

پېرسىيە كارۋان يولى

  • پېرسىيە كارۋان يولى[يەشمىسى:]قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسى ياسىغان قاتناش يولى. دارىئۇس Ⅰ تەختتىكى مەزگىلدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 522 — 486) ياساپ پۈتتۈرگەن. قوشۇن يۆتكەش ۋە ھۆكۈمەت بۇيرۇقىنى يەتكۈۈشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى مەقسەت قىلغان. ئاساسىي يول «خان يولى» بولۇپ، كىچىك ئاسىيا قىرغىقىدىكى ئېفىسوستىن باشلىنىپ، ھادېسدىن ئۆتۈپ ئىمپېرىيە پايتەختى سوساغىچە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2400 كىلومېتر كېلىدۇ. يەنە بىر يول ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى بابىلوندىن باشلىنىپ، ئىران ئېگىزلىكىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، شەرقتە باكتىرىيە ۋە ھىندى دەرياسىنىڭ غەربىي زېمىنىغىچە بارغان. كارۋان يولىغا سارايلار تەسىس قىلىنىپ، ئاتلار، خەۋەرچىلەر تەق قىلىپ قويۇلغان بولۇپ، بۇيرۇق ۋە ئاخبارات يەتكۈزۈشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرغان. چېگرا ۋە دەريا ئېغىزلىرىغا قاراۋۇللار ھەم ئەسكەرلەر تۇرغۇزۇلغان. يەرلىك ئەمەلدارلار خەۋەرچىلەر ۋە سودا كارۋانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كېپىل بولغان. كارۋان يوللىرى ئىمپېرىيىنىڭ ئىچكى رايونلىرىنىڭ ئالاقىسىنى چىڭىتىپ، ئىقتىساد ۋە سودىنىڭ راۋاجلىنىشىغا پايدىلىق بولغان.

پېرسىيە ئىمپېرىىسى

  • پېرسىيە ئىمپېرىىسى[يەشمىسى:] ئىران ئېگىزلىكىدە قۇرۇلغان قەدىمكى دۆلەت. پارسلار ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000-يىللارنىڭ ئاخىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپلىرىدىن ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىي (فارىس رايونى) غا كۆچكەن، ئۇلار جەمئىي ئون قەبىلە (ئالتىسى دېھقانچىلىق، تۆتى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ). بىر مەھەل مېدىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا قالغان، مىلادىدىن 550 يىل ئىلگىرى كۇروس پېرسىيە قەبىلىلىرىگە رەھبەرلىك قىلىپ مېدىيە پادىشاھلىقىنى ئاغدۇرۇپ، ئاچېمىندې سۇلالىسىنى (مىلادىدىن 558 يىل ئىلگىرى دېگەنلەرمۇ بار) قۇرۇپ، سۇسانى پايتەخت قىلغان، بۇ پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئارقىدىنلا سىرتقا كېڭىيىپ، كىچىك ئاسىيا، ئىككى دەريا ۋادىسى، سۈرىيە قاتارلىق جايلارنى بېسىۋېلىپ، شەرقتە باكتىرىيە، سوغدى قاتارلىق جايلارنىمۇ ئىشغال قىلغان. لېكىن شىمال تەرەپتىكى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە ماساگىتلار بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا كۇروس مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئوغلى گابىسې تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن قوشۇن باشلاپ مىسىرنى بويسۇندۇرغان (مىلادىدىن 525 يىل ئىلگىرى)، لېكىن گائۇماتا سىياسىي ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەنلىكتىن (مىلادىدىن 522 يىل ئىلگىرى) پادىشاھ گامبىسې دۆلىتىگە قايتىۋېتىپ يولدا ئۇشتۇمتۇت قازا تاپقان. دارىئۇس Ⅰ گائۇماتا سىياسىي ئۆزگىرىشى ۋە جايلاردىكى قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان. ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان، داۋاملىق كېڭەيمىچىلىك يۈرگۈزۈپ، ئىمپېرىيە تېررىتورىيىسى شەرقتە ھىندى دەرياسىغىچە،غەربتە ئېگەي دېڭىزى ۋە ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالى (مىسىر) غىچە سوزۇلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرى (دارىئۇس Ⅰ تەختتىكى مەزگىلدە) پېرسىيە ئۈزلۈكسىز تۈردە غەربكە ھۇجۇم قىلىپ، تەخمىنەن يېرىم ئەسىرگىچە داۋام قىلغان يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئاخىر بۇ ئۇرۇش پېرسىيىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلاشقان. پېرسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى جايلاردىكى خەلقنىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىقىنى قوزغىغان، ئىمپېرىيە تەۋەسىدە دائىم پېرسىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭلار بولۇپ تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرگە كەلگەندە كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەن (مىلادىدىن ئىلگىرى 404 — 343-يىللىرى مىسىر مۇستەقىل بولغان). مىلادىدىن 333 يىل ئىلگىرى دارىئۇس Ⅲ ماكېدونىيىدىكى ئالېكساندر تەرىپىدىن ئۈزۈل-كېسىل تار مار قىلىنغان. مىلادىدىن 330 يىل ئىلگىرى دارىئۇس Ⅲ ئۆلتۈرۈلگەن، شۇنداق قىلىپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسى يوقالغان. قەدىمكى پېرسىيە شەرقتىكى ئىستىبداتلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ تىپى بولۇپ، ئىمپېرىيە مەزگىلىدە غەربىي ئاسىيادىكى قۇللۇق تۈزۈم ئىقتىسادى يەنىمۇ تەرەققىي تاپقان؛ پېرسىيە مەدەنىيىتى كۆپرەك ئىككى دەريا ۋادىسى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن مىخ يېزىق قوللىنىپ، گۈزەل سەنئەت يارىتىشتا خېلى يۇقىرى نەتىجە قازانغان. مەسىلەن، پېرىسېپولىستىكى يۈز تۈۋرۈكلۈك ساراي، قاپارتما نەققاش ۋە تام سۈرەتلىرى قاتارلىقلار بەكمۇ مەشھۇر. ئىمپېرىتىنىڭ پايتەختلىرىدىن سۇسا، پېرىسېپولىس، بابىلون ۋە ئېكباتانا قاتارلىقلار بار. ئىران ئېگىزلىكىدە پەيدا بولغان زورو ئاستېر دىنى دارىئۇس Ⅰ زامانىسىدا دۆلەت دىنى قىلىنغان ۋە كەڭ تارقالغان؛ كېيىن جۇڭگوغا تارقىلىپ ئاتەشپەرەس دىنى دەپ ئاتالغان.

پېرىكلېس

  • پېرىكلېس[يەشمىسى:]Perikles ياكى Pericles، مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 495 —429) قەدىمكى ئافىنا سىياسىئونى، دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى. دۆلەتمەن ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. كىسانتىپۇ (Xanthippus، ئاخمېئونىدى جەمەتىدىن) نىڭ ئوغلى. مىلادىدىن تەخمىنەن 469 يىل ئىلگىرىدىن باشلاپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشقان بولۇپ، ماھىر ناتىق ئىدى. ئۇ ياشلىق دەۋرىدە سەردار سىموننىڭ ھېساباتىنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا جۈرئەت قىلىش بىلەن نامى چىققان. ئۇ پەيلاسوپ ئاناكىسا گوراسنىڭ دېموكراتىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 462 يىل ئىلگىرى ئىفئالت بىلەن بىرلىشىپ ئاقسۆڭەكلەر تەرەپدارلىرىنىڭ كاتىبېشى سىمونغا قارشى تۇرغان ھەمدە ئاقسۆڭەكلەر كېڭەشمىسى (ئارىئوپاك) نىڭ نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي ھوقۇقلىرىنى تارتىۋالغان. مىلادىدىن 444 يىل ئىلگىرىدىن باشلاپ ئۇدا ئون بەش يىل گېنېرال بولۇپ سايلىنىپ، ئافىنا دۆلىتىنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە، ئافىنادا دېموكراتىك سىياسىنى ئاكتىپ يولغا قويغان. ئەمەلدار سايلاشتىكى مال-مۈلۈك سالاھىيەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلغان، دېھقانلارنىمۇ چەك تارتىش يولى بىلەن «ئارخون» بولالايدىغان قىلغان؛ ھۆكۈمەت خاىملىرى (گېنېرالدىن باشقا) غا ۋەزىپە ھەققى بېرىشنى يولغا قويغان؛ ئادەتتىكى پۇقرالارغىمۇ ئويۇن كۆرۈش ياردەم پۇلى تارقاتقان. سىرتقا قارىتا دىلوس ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىپ، چوڭ شەھەر دۆلەتچىلىكى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، «ئىتتىپاقچى» لارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرغان. (مەسىلەن: مىلادىدىن 439 يىل ئىلگىرى سامۇس ئارىلىغا جازا يۈرۈشى قىلغان).مىلادىدىن 454 يىل ئىلگىرى دىلوس ئىتتىپاقىنىڭ خەزىنىسىنى ئافىناغا يۆتكەپ كېلىپ، ئىتتىپاقنىڭ ئولپان پۇلىدىن پايدىلىنىپ، قۇدرەتلىك دېڭىز فلوتىنى قۇرۇپ، ئافىنانىڭ دېڭىزدىكى مەنپەئىتىنى قۇغدىغان ھەمدە ئافىنا شەھىرى بىلەن پېرېي پورتى ئارىلىقىدىكى مۇداپىئە — «ئۇزۇن سېپىل» قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان. سودا-سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان. ئافىنا شەھىرىدە كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، ئاكروپول قەلئەسى (مۇداپىئە شەھىرى) نىڭ مەركىزىدە ھەيۋەتلىك پارفىنۇن ئىبادەتخانىسىنى بەرپا قىلغان. ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئالىملارنى ئافىناغا توپلاپ، ئافىنانى «گرېتسىيىنىڭ مەكتىپى» قىلغان (پېرىكلېسنىڭ سۆزى). ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا سپارتا بىلەن گرېتسىيىگە بولغان خوجايىنلىق قىلىشنى تالىشىشنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى تۈپەيلىدىن ئاخىرى پىلوپوننېس ئۇرۇشى (مىلادىدىن 431 يىل ئىلگىرى ) كېلىپ چىققان. ئۇرۇش داۋامىدا قۇرۇقلۇقتا چېكىنىپ بېرىش، دېڭىزدىن ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئاتتىكا يېزىلىرىنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتقان. ئۇرۇشتىكى ئوڭۇشسىزلىقلار تۈپەيلىدىن ئۆكتىچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. مىلادىدىن 430 يىل ئىلگىرى بىر مەھەل گېنېراللىقتىن قالدۇرۇلغان ھەمدە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جەرىمانە تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنغان. مىلادىدىن 429 يىل ئىلگىرى يەنە بىر نۆۋەت گېنېراللىققا سايلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي يۇقۇملۇق ئاغرىق بىلەن ئۆلگەن. تارىخچىلار پېرىكلېس ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلنى گرېتسىيىنىڭ گۈللەنگەن، مەدەنىيەت-سەنئەتنىڭ گۈللەپ ياشنىغان دەۋرى دەپ ئاتىشىدۇ.

پېركىنس

  • پېركىنس[يەشمىسى:]France Perkins،1882 — 1965) ئامېرىلىنىڭ ئايال ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچىسى. كولۇمبىيە قاتارلىق داشۆلەردە ئوقۇپ، ئىجتىمائىيشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق بويىچە ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى نيۇ-يورك ئىستېمالچىلار ئىتتىپاقى بىلەن ستراخۋانىيە كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە شۇجىسى بولغان. 20-يىللاردىن باشلاپ نيۇ-يوركتا سانائەت ۋە ئىشچىلار قانۇن چىقىرىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شتاتلىق پارلامېنتنىڭ ئايال ئىشچىلارنىڭ ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىپ ماقۇللىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كېيىن شتاتلىق سانائەت ئىدارىسى ۋە سانائەت كومىتېتىنىڭ رەھبىرى بولغان. 1933 — 1945-يىللىرى ئەمگەكچىلەر مىنىستىرى بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدا ئىچكى كابىنتقا كىرگەن تۇنجى ئايال بولۇپ قالغان. خىزمەت جەريانىدا پارلامېنتنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ۋە ئەڭ يۇقىرى ئىش ۋاقتى، ئىشسىزلارنىڭ ياردەم پۇلى، خەلق بايلىقىنى قوغداش ئەترىتى، بالا ئىشچىلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش قاتارلىق قانۇنلارنى ماقۇللىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن، ئەمگەكچىلەرنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش، شۇنىڭدەك «يېڭى ھۆكۈمەت» ئەمگەكچىلەر قانۇنىنى يولغا قويۇشقا بىۋاسىتە مەسئۇل بولغان. 1946 — 1952-يىللىرى ئامېرىكا خەلق مۇلازىمەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئەمگەكچىلەر ۋە سانائەت مەسىلىسى توغرىسىدا نۇرغۇن نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇنىڭ «مەن بىلىدىغان روزۋېلىت» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

پېرگام پادىشاھلىقى

  • پېرگام پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] كىچىك ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت. ئېگېي دېڭىزىغا ياندىشىپ تۇرىدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن 283 يىل ئىلگىرى يۇنان سەركەردىسى فىلېتايرو (Phletaeros) سېلېۋكىيە پادىشاھلىقىدىن ئايرىلىپ قۇرۇلغان دۆلەت. پايتەختى پېرگام (Pergamum ياكى Pergamus) كائىك ( Caikus، ئېگېي دېڭىزىغا قويۇلىدۇ)دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمكى زاماندىكى داڭلىق شەھەر ھېسابلىنىدۇ. ئاتتال Ⅰ (Attalos، مىلادىدىن 269 — 197-يىللار ئىلگىرى) تەختتە ئولتۇرغاندا دۆلەت تەدرىجىي قۇدرەت تېپىپ، سېلېۋكىيە، ماكېدونىيە بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلغان. مىلادىدىن ئىلگرىكى Ⅱ ئەسىردە، ئىككىنچى قېتىملىق ماكېدونىيە ئۇرۇشى ۋە سۈرىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە رىم بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، كەڭ يەر-زېمىنىغا ئىگە بولغان. ئاھالىسى دېھقانچىلىق، ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. چېگرىسىنىڭ ئىچى شەرق ۋە غەربنىڭ مۇھىم سودا يولى بولۇپ، يۇنانلاشتۇرۇش دەۋرىدە راۋاجلىنىپ بۇ رايوننىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەكەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. پېرگام شەھىرىدە 200 مىڭ كىتاب ساقلانغان كۆلىمى چوڭ كۇتۇپخانا بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىرى مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە كۇتۇپخانىسى بىلەن رىقابەتلىشىش كويىدا بولغاچقا، مىسىرنىڭ پتولېمېي خاندانلىقى پا پۇرۇش قەغەز چىقىرىشنى مەنئى قىلغان. شۇڭا ئۇلار بىر خىل «تېرە قەغەز» (يەنى «پېرگامېنت (Chartqa Pergamena) نى كەشىپ قىلغان ھەمدە چەت ئەللەرگە كەڭ تۈردە ساتقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 133-يىلى، پېرگامنىڭ ئاخىرقى ئەۋلاد پادىشاھى ئاتتال Ⅲ خەلقنىڭ قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، دۆلەت زېمىنىنى قودرەتلىك رىمغا تەقدىم قىلىش توغرىسىدا ۋەسىيەت قىلىپ ئارستونىك قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولۇپ، پادىشاھلىق رىم زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن پېرگام ئۇزاق ۋاقىت رىمنىڭ شەرق («ئاسىيا ئۆلكىسى») قە ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىكى مەمۇرىي ۋە ھەربىي مۇھىم جايى بولۇپ قالغان.

پېرون

  • پېرون[يەشمىسى:]Juan Domingo Peron، 1895 — 1974) ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى (1946 — 1955، 1973 — 1974). 1913-يىلى ھەربىي سەپكە كىرگەن 1939 — 1940-يىللىرى ئىتالىيىگە بېرىپ ھەربىي ئىشلارنى ئۆگەنگەن، ھەمدە فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق ئەللەردە ھەربىي ئىشلارنى تەتقىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈشتە بولغان. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، «بىرلەشمە ئوفىتسېرلار پولكى» نىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولغان. 1943-يىلى بىرلەشمە ئوفىتسېرلار پولكى سىياسىي ئۆزگىرىشى مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، ئەمگەك -سانائەت مىنىستىرى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1945 يىلى 10-ئايدىكى ئامېرىكا پەرەسلەر سىياسىي ئۆزگىرىشىدە خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ، نەزەربەنت قىلىنغان. كېيىن ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى نامايىش قىلىپ ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكتىن قويۇپ بېرىلگەن. 1946-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان، ھەربىي مەمۇرىي، ھوقۇقنى قولىغا مەركەزلەشتۈرۈۋېلىپ «پېرونىزم پارتىيىسى» تەشكىللەپ، مىللەتپەرۋەرلىكنى تەرغىپ قىلىپ، ئىگىلىك مۇستەقىللىكى شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۆز دۆلىتىنىڭ سانائەت تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان بەش يىللىق پىلاننى يولغا قويغان، ھەمدە بەزى ئىسلاھاتچىلىق تەدبىرلىرىنى قوللانغان. ئۇ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان كېيىنكى مەزگىلىدە ئامېرىكا بىلەن مۇرەسسە قىلىش ۋە ئىچكى ئىگىلىك ئەھۋالىنىڭ كۈنسېرى يامانلىشىشى بىلەن خەلق نارازى بولۇپ، ئىچكى سىنىپىي زىددىيەتلەر كەسكىنلەشكەن. 1955-يىلى كاتولىك چېركاۋى بىلەن قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندە ھەربىيلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان. پېرون خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ، پاراگۋايغا چىقىپ كەتكەن. كېيىن ئىسپانىيىدە ئۇزاق ۋاقىت تۇرغان. 1973-يىلى، ھەربىيلەر ھاكىمىيىتى گۇمران بولغاندىن كېيىن پېرون تەرەپدارلىرى باشچىلىقىدىكى «ئازادلىق ھەققانىيەت سېپى» ئومۇمىي سايلامدا غەلىبە قازانغان. پېرون ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ئۇزۇق ئۆتمەي زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.

پېرۇ باش ۋالىيسىغا قاراشلىق رايون

  • پېرۇ باش ۋالىيسىغا قاراشلىق رايون[يەشمىسى:]ئىسپانىيە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەردە ئورناتقان مەمۇرىي تەشكىلات. دەسلەپ 1542-يىلى ئورنىتىلغان. ⅩⅥ -ⅩⅦ ئەسىرلەردە، ۋېنېسۇئېلانى ھېسابقا ئالمىغاندا، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئىسپانىيىگە تەۋە مۇستەملىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋە پاناما بويۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. باش ۋالىي تۇرۇشلۇق جاي لىمادا تەسىس قىلىنغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۇنىڭ قارمىقىدا پاناما، بوگوتا، كىتو، لىما، چاركاس (ھازىرقى بولىۋىيە)، سانتىياگو ۋە بوئېنوس ئايرىس قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرگۈچى سوت تەۋەلىك رايونى قۇرۇلغان. ⅩⅧ ئەسىردە خارابلىشىشقا باشلىغان، يېڭىباشتىن يېڭى گرانادا باش ۋالىيغا قاراشلىق رايون (1739)قۇرۇلغان ۋە لاپلاتا باش ۋالىيسىغا قاراشلىق رايون (1776)تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئاران پېرۇ، چىلى، كىتو (ھازىرقى ئېكۋادور)دىن ئىبارەت ئۈچ جاينىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1824-يىلى جەنۇبىي ئامېرىكىدا ئىسپانىيىگە تەۋە مۇستەملىكىلەردىكى مۇستەقىللىك ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر باش ۋالىيغا قاراشلىق رايون مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغان.

پېر، لاشىزقەبرىستانلىقى

  • پېر، لاشىزقەبرىستانلىقى[يەشمىسى:]«پېر» فرانسۇزچىدىكى Pere نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، «دادا» دېگەن مەنىدە، كاتولىك دىنى چېركاۋ خىزمەتچىلىرىنىڭ ھۆرمەت نامى، «لاشىزپوپ قەبرىستانلىقى»غا قارلسۇن.

پېرىي

  • پېرىي[يەشمىسى:]Robert Edwin Peary،1856 — 1920) ئامېرىكىدىن شىمالىي قۇتۇپقا بارغان ئېكسپېدىدسىيىچى. پېنسلۋانىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. 1877-يىلى پودويىن ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1881-يىلى دېڭىز ئارمىيىسىدە قۇرۇلۇش ئېنژىنېرى بولغان. 1884 — 1885-يىللىرى نىكاراگوئا قانىلىنى ئۆلچەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1886 — 1892-يىللىرى گرېنلاند دېڭىز تەۋەسىدە كۆپ قېتىم تەكشۈرۈش ۋە ئىلمىي كۆزىتىش ئېلىپ بارغان. ئىنگېرفىرېد دېڭىز قولتۇقىدا تەتقىقات بازىسى قۇرغان. گرېنلارندنىڭ بىر چوڭ ئارال ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان. 1893-يىلىدىن باشلاپ شىمالىي قۇتۇپنى ئىزدەپ بىرنەچچە قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، ئاخىرى 1909-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلېسمېرئارىلىنىڭ شىمالىدىكى كولۇمبىيە تۇمشۇقىدىن يولغا چىقىپ، چانىغا ئولتۇرۇپ شىمالىي قۇتۇپنى ئىزدىگەن ھەمدە شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى (ئېيتىشلارغا قارىغاندا ف .ئا.كوك F. A. Cook) 1908-يىلى بىرىنچى بولۇپ يېتىپ بارغان) شىمالىي قۇتۇپقا بارغان 1911-يىلى دېڭىز ئارمىيىسىدە گېنېرال مايورلىققا كۆتۈرۈلگەن. ئەسەرلىرىدىن «قار-مۇزلۇقلار ئۈستىدىكى سەپەر»، «شىمالىي قۇتۇپ» قاتارلىقلار بار.

پېرىئوسلار

  • پېرىئوسلار[يەشمىسى:]Perioikoi ياKH Perioek) پېرىئوس — «چەت-ياقا يۇرت ئاھالىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ سپارتا تەۋەلىكىدىكى بېقىندى ئاھالىلەرنى كۆرسىتىدۇ. كۆپ قىسمى بۇيسۇندۇرۇلغان ئاخىيلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولۇپ، دورىيانىلار (دوررىس) پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىغا (جەنۇبىي گرېتسىيىگە) كىرگەندىن كېيىن، پەيدىنپەي مۇنقەرز بولۇپ، بېقىندىلارغا ئايلانغان، ئۇلار شەھەر ئەتراپى، تاغلىق رايون ۋە دېڭىز قىرغىقى ئەتراپلىرىغا تارتقالغان بولۇپ، بەلگىلىك مال-مۈلۈك ۋە يەر (ياقا رايونلار)لەرگە ئىگە بولغان. ئاساسەن قول سانائەت، سودا ياكى تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئېلوتلار (سپارتا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قۇللار) غا قارىغاندا، كىشىلىك ئەركىنلىكى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، بىراق پۇقرالىق ھوقۇقى بولمىغان، سپارتانىڭ سىياسىي پائالىيىتىگە قاتنىشالمىغان. پرىنسىپ جەھەتتىن سيارتالىقلار بىلەن نىكاھلىنىشقا يول قويمىغان (بۇلار «يېرىم ھۆرلەر» دەپمۇ ئاتالغان). بۇلار تۇرغان جايلارغا سپارتا دۆلىتى «ئەمەلدار» ئەۋەتىپ باشقۇرغان ۋە باج يىغقانن، ئۇرۇش مەزگىلىدە سپارتاغائەسكەر(ياردەمچى ئەسكەر) بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ Ⅳ ئەسىرلەردە باي- كەمبەغەلگە بۆلۈنۈش كەسكىنلىشىپ، ئاز سانلىقلار كۆتۈرۈلۇپ سىپارتا پۇقرالىرى گۇرۇھىغا قاتناشقان، كۆپچىلىكى ۋەيران بولۇپ كەمبەغەللەر ياكى قۇللارغا ئايلانغان. خانىۋەيران بولغان پېرىئوسلار كۆپ قېتىم ئېلوتلارنىڭ سپارتاغا قارشى كۈرىشىگە قاتناشقان. تېسالىيە (شىمالىي گرېتسىيە) ۋە كىرىت ئارىلى قاتارلىق جايلاردىمۇ پېرىئوسلارغا ئوخشاش سالاھىيەتلىك كىشىلەر بولغان.

پېرىياند

  • پېرىياند[يەشمىسى:]Perinder ياكى Periandros،؟ — مىلادىدىن ئىلگىرى 585) قەدىمكى يۇناندىكى كورىنتوس شەھىرىنىڭ تىرانى (مىلادىدىن ئىلگىرى 625 — 585). يۇناندا ئۆتكەن «يەتتە ئەۋلىيا»نىڭ بىرى. سۇپسېلو(Cypeslus) نىڭ ئوغلى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن دەسلەپكى مەزگىللىرىدە مۆتىدىل سىياسەت يۈرگۈزگەن، كېيىنكى مەزگىللىرى قاتتىق قول سىياسەتنى يولغا قويغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا مىلېتونىڭ (كىچىك ئاسىيادا)ترانى تراسبۇلۇس (Thrasybulus) تىن يوشۇرۇن تەلىم ئالغان. ئۇ ئەلچى ئەۋەتىپ تراسبۇلۇستىن ئۇزۇن مۇددەتكىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىشنىڭ رولىنى سورىغان، تراسبۇلۇس ئۇنىڭ ئەلچىسىنى ئېتىزلىققا باشلاپ ئاپىرىپ، ئېگىز ئۆسكەن باشاقلارنى توختىماي كېسىپ تاشلىغان، ئۇ تراسبۇلۇسنىڭ غەرىزىنى چۈشىنىپ، ئۆز ئەتراپىدىكى تەسىركۈچى بار بىرتۈركۈم ھوقۇقلۇق ئەمەلدارلارنىڭ كاللىسىنى ئالغان. تاشقى سودىنى كېڭەيتكەن، ئېبىدورونى (جەنۇبىي يۇنان ئاگىرىس تەۋەسىدە) ئىستىلا قىلغان، كورىسۇرا ئارىلىنى بېسىۋالغان ھەمدە بوتىدىيە (ئېگەي دېڭىزىنىڭ غەربىي قىرغىقى) نى مۇستەملىكە قىلغان. ئەدەبىيات، ئىلىم-پەنگە ئىلھام بېرىپ، شائىرلار ۋە پەيلاسوپلارنىڭ ئوردىغا كىرىپ-چىقىشقا يول قويغان. ئېيدورونىڭ ترانى پروكلېس (Procles) نىڭ قىزى ھېلىسسا(Mellissa) بىلەن توي قىلغان. غەيۋەتكە ئىشىنىپ، خوتۇنىنى ئۆلتۈرگەن، ئوردا ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىچكى نىزادا، قېيىن ئاتىسىنى تۈرمىگە تاشلىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 80 ياشقا كىرگەندە تۇغقىنى پىساممېتكوس (Psammetichus) ئۇنىڭ ئونىغا ۋارىسلىق قىلغان.

پېزاررو

  • پېزاررو[يەشمىسى:]Francisco Pizarro، تەخمىنەن 1475 — 1541) ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىسى. ئىسپانىيىنىڭ تروجللو(Trujillo) دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ساۋاتسىز، توڭگۇز باققان. ئىتالىيە پىيادە ئەسكەرلەر پولكىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1502-يىلى ئامېرىكا قىتئەسىگە كۆچۈپ بېرىپ، 1509-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا قىتئەسىدە بۇلاڭچىلىق ۋە تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغان. بالبوئا(Balboa) غا ھەمراھ بولۇپ، تىنچ ئوكياننى «تاپقان»، 1524-يىلىدىن باشلاپ پېرۇغا تاجاۋۇز قىلغان. 1528-يىلى ئىسپانىيىگە قايتىپ كەتكەن. 1531-يىلى 180 ئادەم ۋە ئۈچ كېمىنى باشلاپ ھازىرقى پېرۇ چېگرىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 1533-يىلى ئىنكا(Inca) پادىشاھىنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاپ، ئىنكا پادىشاھلىقىنى يوقاتقان ھەمدە مۇشۇ جايدا بولۇشىچە بۇلاڭچىلىق ۋە قىرغىنچىلىق قىلغان. ھازىرقى پېرۇ ۋە ئېكۋادوردا ئىلگىرى-كېيىن ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىق ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەن. كېيىن لىمادا ئىچكى نىزادا ئۆلگەن.

پېستىراتۇس

  • پېستىراتۇس[يەشمىسى:] Peisistratos ياكى Pisistratus، مىلادىدىن تەخمىنەن 600 - 527 يىل ئىلگىرى). قەدىمكى ئافىنا ترانى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، سولون بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بار. ئۇ تراكىيىدە ئالتۇن كان ئاچقان. مىلادىدىن تەخمىنەن 570 يىل ئىلگىرى، ئافىنانىڭ مىگاراغا قىلغان ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، باتۇرلۇق كۆرسىتىش بىلەن نام چىقارغان. ئافىنادىكى پارتىيە-گۇرۇھلار كۈرىشىدە تاغلىق جايلار تەرەپدارلىرىنىڭ يولباشچىسى بولغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 560 يىل ئىلگىرى قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. مىلادىدىن 559 يىل ۋە 552 يىل ئىلگىرى ئىككى نۆۋەت سۈرگۈن قىلىنغان. مىلادىدىن 541 يىل ئىلگىرى پۇل چىقىرىپ ياللانما ئەسكەر توپلاپ ۋە تېبىس ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن يېڭىباشتىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان (ئىلگىرى-ئاخىرى ئالاھەزەل 17 — 18 يىلدەك ھۆكۈم سۈرگەن). ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرىگە يەنىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرىلەپ زەربە بېرىش؛ ئوتتۇرا، ئۇششاق يەر ئىگىلىرىنى قوغداش ۋە يېزا ئىگىلىك، سودا سانائەتكە رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان. ئېيتىلىشىچە ئۇ، بەزى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يېرىنى مۇسادىرە قىلىپ دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن، %10 (ياكى %15) يېزا ئىگىلىك بېجى ئېلىشنى ۋە تۆۋەن ئۆسۈم تۆلەيدىغان يېزا ئىگىلىك قەرز پۇلى تارقىتىشنى يولغا قويغان. يېزا سەييارە سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلغان؛ كېمىسازلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، تاشقى سودىنى كېڭەيتكەن، دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇشقا كىرىشكەن؛ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، سۇ يوللىرى ۋە ئىبادەتخانا قاتارلىقلارنى قۇرۇپ چىققان؛ ئالىملار، شائىرلارنى ئافىناغا تەكلىپ قىلغان. «ھومېر دەستانى» دەل مۇشۇ مەزگىلىدە تۈزۈپ چىقىلغان. ئۇ، سولوندىن بۇيانقى تۈزۈلگەن تۈزۈمى بىكار قىلمىغان، ئۇنىڭ ھەرخىل تەدبىرلىرى ئافىنانىڭ ئىگىلىكى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئافىنا تەرەققىي قىلىپ پەيدىنپەي پۈتكۈل گرېتسىيىنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ قالغان. قەدىمكى يۇنان يازغۇچىلىرى مەسىلەن: ھېرودوت، ئارستوتېل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پېستىراتوسنى مۇۋاپىق ھالدا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كەلگەن.

پېسېنتېل

  • پېسېنتېل[يەشمىسى:]Павн Ивановнч Песентель، 1793 — 1826) روسىيە دېكابرىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، جەنۇب جەمئىيىتىنىڭ رەھبىرى. چوڭ بيۇركرات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئاقسۆڭەك يونكىرلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇشقا (1812 — 1814) قاتنىشىپ، غەربىي ياۋروپانىڭ ئىنقىلابىي دېموكراتىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغان. ئۇ تۈزگەن سىياسىي پروگرامما «رۇس ھەقىقىتى»دە يانچىلىق تۈزۈمىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىپ، مونارخىيىلىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قۇرۇش؛ پومېشچىكلارنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىش؛ ئەركىن ياللىنىپ ئىشلەش؛ پۇقرالارنىڭ ھەممىسى باراۋەر بولۇش، سايلاش ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ۋە مائارىپنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىق ۋە باشقىلار تەشەببۇس قىلىنغان. 1825-يىلى دېكابرىستلار قوزغىلىڭىنىڭ ھارپىسىدا خائىنلارنىڭ ساتقىنلىقى تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنىپ، دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

پېشاۋۇر قوزغىلىڭى

  • پېشاۋۇر قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]ھىندىستاندىكى پېشاۋۇر (بۈگۈنكى پاكىستاندا) خەلقىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى قوزغىلىڭى. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى 1930-يىلى 4-ئايدا پېشاۋۇر شەھىرىدىكى ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنىڭ ۋە خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ بىرنەچچە رەھبىرىنى قولغا ئالغان. 23-ئاپرېل سەھەردە پېشاۋۇر شەھىرىنىڭ بىر توپ نامايىشچىلار ئاممىسى قولغا ئېلىنغانلارنى تۈرمىگە ئەكىتىۋاتقان ئاپتوموبىلنى توسۇۋالغان ھەمدە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، قوزغىلاڭنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مۇستەملىكىچى دائىرىلەر ئەسكەر ئەۋەتىپ قوزغىلاڭنى باستۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيە-ھىندىستان ئارمىيىسىدىكى كۆپلىگەن ئەسكەرلەر ئوق چىقىرىشنى رەت قىلىپ، قوراللىرىنى قوزغىلاڭچىلارغا بەرگەن. نەتىجىدە ئەنگلىيە-ھىندىستان ئارمىيىسى چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. قوزغىلاڭچىلار پېشاۋۇرنى ئىككى ھەپتىدىن كۆپرەك تىزگىنلىگەن. 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان.

پېشقەدەم چېخلار گۇرۇھى

  • پېشقەدەم چېخلار گۇرۇھى[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىردىكى چېخ مىللەتپەرۋەرلەر پارتىيىسى — مىللىي پارتىيىنىڭ ئىچىدىكى كونسېرۋاتىپ گۇرۇھ. ئاساسلىق ۋەكىلى — پالاسكى (Frantisek Palacky، 1798 — 1876). ئۇ چوڭ ئاقسۆڭەكلەر ۋە مونوپول كاپىتالىستلارنىڭ كۈچىگە ئەھمىيەت بېرىپ، مىللىي مۇستەقىللىكىنى مۆتىدىل چارىلەر ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1891-يىلى، بۇ گۇرۇھ گېرمانلارنىڭ ئۆز دۆلىتى چېگرىسىدىكى ئاھالىلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىغا يول قويغانلىقتىن، سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. «ياش ئەزىمەت چېخلار»غا قاراڭ.

پېك

  • پېك[يەشمىسى:]Wilhelm Pieck، 1876 — 1960) گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1949 — 1960). گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى. ياغاچچىلىقتىن كېلىپ چىققان. برېمېندا ئۇزاققىچە ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1895-يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا چاقىرىق بويىچە ئارمىيىگە قاتنىشىپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرغان. گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابى مەزگىلىدە سپارتاك ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ۋە گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى بولغان. 1921—1928-يىللىرى پرۇسسىيە شتاتى پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1928 — 1933-يىللىرى گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، پارلامېنت مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ پارتىيىنىڭ سىياسەت، نىشان ۋە ۋەزىپىلىرىنى تەشۋىق قىلغان. 1931-يىلدىن باشلاپ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىس ئەزاسى ۋە سېكرىتارىياتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1933-يىلدىن باشلاپ پارىژ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1935-يىلىگېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، فاشىزمغا قارشى بارلىق تەشكىلاتلارنى ئىتتىپاقلىشىپ، فاشىستىك مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەركىن گېرمانىيە مەملىكەتلىك كومىتېتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان. 1946-يىلى گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى قوشۇلۇپ، گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى تەشكىل قىلغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1949-يىلى گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن زۇڭتۇڭ بولغان. 

پېكالا

  • پېكالا[يەشمىسى:]Mauno Pekkala، 1890 — 1952) فىنلاندىيە زۇڭلىسى (1946 — 1948). فىنلاندىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. سېسمادا تۇغۇلغان. 1926 — 1927-يىللىرى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى بولغان. 1939—1942-يىللىرى مالىيە مىنىستىرى بولغان. 1944 — 1945-يىللىرى بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1945-1948-يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. زۇڭلى بولغان مەزگىلىدە، 1947-يىلى پارىژ سۈلھ شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان، 1948-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن«سوۋېت-فىنلاندىيە دوستلۇق، ھەمكارلىق شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان.

پېكچى

  • پېكچى[يەشمىسى:] چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدىكى قەدىمكى دۆلەت. دەسلەپتە ماخان (Maxan) لار ئىچىدىكى پېكچى قەبىلىسى قۇرۇپ چىققان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئۇنىڭ دەسلەپكى بوۋىسى ۋېنزۇئو (Wenzuo) كوگۇريو (Koгype) نى قۇرغۇچى جۇمېڭنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بولۇپ، ئۇ مىلادىدىن 18 يىل ئىلگىرى جەنۇبقا بېرىپ خان-گاڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى ماخانلارنىڭ پېكچى قەبىلىسىنى دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، دەسلەپتە ۋېيلى شەھىرى (ھازىرقى خان-گاڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى كانتون ئەتراپى) نى پايتەخت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، بارا-بارا ماخانلارنىڭ كۆپلىگەن قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرگەن. مىلادى 260-يىلى مەركىزىي دۆلەت ئورگىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن. 313-يىلى دەي فاڭ ۋىلايىتى رايونىنى بىرلەشتۈرۈپ، كوگۇريو ۋە سىللا بىلەن تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ، تارىختا ئۈچ دۆلەت دەۋرى دەپ ئاتالغان. 371-يىلى، پادىشاھ جىن شياۋگۇ (346 — 375) ياپونىيىنىڭ قوللىشى بىلەن شىمالدىن كوگۇريوغا ھۇجۇم قىلىپ، پىخېنياننى ئىشغال قىلىپ، سابىق پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپ، شۇ يىلى پايتەختنى خانسەن شەھىرى(ھازىرقى كيوڭگى-دوكانتون) گە يۆتكەپ كەلگەن. 396-يىلى كوگۇريونىڭ پادىشاھى كۋاڭگا ئېتئونىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، خان-گاڭنىڭ شىمالىدىكى جايلاردىن ئايرىلىپ قالغان. 475-يىلى خانسەن شەھىرى كوگۇريونىڭ پادىشاھى چاڭشۇ ۋاڭنىڭ قوشۇن باشلاپ كېلىپ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن قولدىن كېتىپ، گەيلۇۋاڭ فۇيۇچىڭ ئۆلتۈرۈلگەن، ۋېنجۇۋاڭ پايتەختنى شۇڭجىن (ھازىرقى چۇڭچوڭ-نامدوگوڭجۇ) غا كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن يەنىلا جەنۇب ۋە شەرققە قاراپكېڭەيگەن.538-يىلى دانىشمەن پادىشاھ پايتەختنى سىبى (يەنە بىر ئىسمى سوفۇلى، ھازىرقى چۇڭچوڭ-نامدوفۇيۇ) غا يۆتكەپ، دۆلەت نامىنى جەنۇبىي پۇيۈككە ئۆزگەرتكەن. يەنە سىللا بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، شىمالدىن كوگۇريوغا ھۇجۇم قىلىپ، خان-گاڭ ۋادىسىدىكى ئالتە ۋىلايەتنى قايتۇرۇۋالغان، ئۇزۇن ئۆتمەي سىللا تارتىۋالغان، 554-يىلى سىللادىن مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، پېكچى كوگۇريو بىلەن بىرلىشىپ، يەنە ياپونىيە ئوۋا خاندانلىقىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ سىللا بىلەن قارشىلاشقان. 660-يىلى سىللانىڭ پادىشاھى تەيزۇڭ ۋۇلىۋاڭنىڭ جۇڭگو تاڭ سۇلالىسى قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ قىلغان ھۇجۇمى ئارقىسىدا ھالاك بولغان. خان جەمەتى فۇيۈفېڭ پېشقەدەم ۋەزىر فۇيۈشىن قاتارلىقلار دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، 663-يىلى بەيسۇن دەرياسى ئېغىزىدىكى ئۇرۇشتا سىللانىڭ پادىشاھى ۋېنۋۇۋاڭنىڭ تاڭ سۇلالىسى قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ قىلغان ھۇجۇمى ئارقىسىدا تارمار قىلىنغان، تاڭ سۇلالىسى قوشۇنى چېكىنگەندىن كېيىن، پېكچىنىڭ بۇرۇنقى يەرلىرى 670-يىلى سىللاغا قوشۇۋېلىنغان.

پېگو خاندانلىقى

  • پېگو خاندانلىقى[يەشمىسى:] خانتۋاد(Hanthawaddy) خاندانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅥ — ⅩⅢ ئەسىرلەردىكى بىرمىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مونىسلار (Mons) نىڭ فېئودال خاندانلىقى. 1287-يىلى ۋارېرۇ تۆۋەنكى بىرمىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن قۇرۇلغان. 1287 — 1363-يىللىرى سالۋىن دەرياسىنىڭ ئېغىزىدىكى مارتابان (Martaban) شەھىرى پېگۇ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى قىلىنغان. شۇڭا مارتابان دۆلىتى دەپمۇ ئاتالغان. 1370-يىلى پايتەختنى پېگۇ (Pegu) غا كۆچۈرگەن، شۇنداق قىلىپ، بارا-بارا پېگۇ خاندانلىقى دەپ ئاتىلىپ قالغان. دازادارىت ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى (1385 — 1423) يۇقىرى بىرمىدىكى ئاۋا سۇلالىسىنىڭ 40 يىللىق (1386 — 1425) ئۇرۇشى باشلانغان، ئادەتتە بىرما تارىخىدا «40 يىللىق ئۇرۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئايال پادىشاھ شىنساۋبۇ(Shinsawbu) تەختتىكىمەزگىللىرى(1453 — 1472) تىنچلىق ۋە گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويغان بولۇپ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە تەرەققىي تاپقان، پايتەخت رانگون رويدىگۇڭ ئالتۇن مۇنارى ياسالغان. ئىتالىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سودىگەرلىرى ئۇنىڭ تەۋەسىگە كەلگەن. 1539-يىلى تونگۇ خاندانلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 

پېلاگىچ

  • پېلاگىچ[يەشمىسى:]Vaso Рelagic، 1838 — 1899) سېربىيىلىك ئىنقىلابىي دېموكرات، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ۋە سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنىڭ ئەربابى. بوسنىيە ۋە سېربىيىدە تەربىيە ئالغان. 1863—1865-يىللىرى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدائوقۇغان.1866-يىلى سېربىيىدە مەكتەپ بەرپا قىلىپ، چوڭ موتىۋەللى مەنسىپىگە ئىگەبولغان.1868-يىلى تۈركىيىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقتىن كىچىك ئاسىياغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1875 — 1878-يىللىرى گېرتسېگوۋىنا-بوسنىيىدە تۈركىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە قاتنىشىپ، قوزغىلاڭنىڭ مۇتەپەككۇرلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. 90-يىللاردا قول سانائەتچىلەر ۋە ئىشچىلار جەمئىيىتىنى قۇرغان. 1895 — 1896-يىللىرى «سوتسىيالىزمچىلار» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرلىك خىزمىتىگە قاتناشقان. تەبىئەت دۇنياسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ، ئەمگەكنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى رولى ۋە سوتسىيالىزم قاتارلىق ماتېرىيالىستىك نۇقتىئىنەزەرنى تەشۋىق قىلغان. ماركس ۋە ئېنگېلس بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن يۇگوسلاۋىيىدە سوتسىيالىستىك ئىدىيىنى تەشۋىق قىلغان. «ئامما بىلەن شەخسنىڭ ئىلغار تەرەققىياتىنىڭ يەكۈنى»، «بەختلىك تۇرمۇش يولى، يەنى يېڭى پەن ۋە ئادەم»، «سوتسىيالىزم ۋە جەمئىيەتنىڭ تۈپتىن گۈللىنىشى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

پېللو

  • پېللو[يەشمىسى:]Luigi Рelloux،1839— 1924) ئىتالىيە باش ۋەزىرى (1899 — 1900). ساۋوييادا تۇغۇلغان. 1857-يىلى ھەربىي سەپكە كىرىپ پېمونت توپچى قىسمىنىڭ پودپوروچىكى بولغان، كېيىن دىۋىزىيە كوماندىرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. 90-يىللاردا كۆپ قېتىم ئىچكى كابىنېتقا قاتنىشىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى (1891 — 1893، 1897-) بولغان ھەمدە كېڭەش پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1898-يىلى دېھقانلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇپ، ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەن. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلىدە بىر قاتار سىياسىي نىزاملارنى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت تەرتىپىنى بۇزدى ياكى ئاساسىي قانۇنغا زىيان يەتكۈزدى، دېگەن نام بىلەن ھەرقانداق تەشكىلاتنى تارقىتىۋېتىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن. سولچىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان. 1900 — 1902-يىللىرى تورىندا تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ قوماندانى بولغان.

پېللىكو

  • پېللىكو[يەشمىسى:]Silvio Pellico، 1789 — 1854) ئىتالىيە شائىرى. 1818-يىلى رومانتىزملىق لىبېراللارنىڭ ژۇرنىلى «كېلىشتۈرگۈچى» نى تەسىس قىلغان ھەمدە بۇ ژۇرنالغا ئاكتىپ تۈردە ئەسەر يېزىپ بەرگەن. مىلاندا كاربونادىرلار پارتىيىسىنىڭ ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1820-يىلى قولغا ئېلىنىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن، كېيىن بۇ جازا ئۆزگەرتىلىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1830-يىلى تۈرمىدىن چىقىپ تۇرىن شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆز ئەسەرلىرىدە خرىستىئان دىنىدىكى قانائەتچانلىق روھىنى تەرغىپ قىلغان. «تۈرمىدىكى ھاياتىم» دېگەن كىتابىدا ئاۋسترىيە قۇلدارلىرىنىڭ شەپقەتسىزلىكىنى پاش قىلىپ، ئىتالىيىلىكلەرنىڭ مىللىي ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ زور شۆھرەت قازانغان. بۇ كىتاب كۆپ قېتىم قايتا نەشىر قىلىنغان ھەمدە ياۋروپادىكى كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. 

پېللىئوت

  • پېللىئوت[يەشمىسى:]Рaul Реlliot، 1878 — 1945) فرانسۇز شەرقشۇناسى. پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنى تۈگەتكەن. 1900-يىلى فرانسىيە يىراق شەرق ئىنستىتۇتى (خانۇي) دا خەنزۇ تىلى پروفېسسورى بولغان. 1906 — 1908-يىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا «تەكشۈرۈش» ئېلىپ بارغان ھەمدە جۇڭگونىڭ دۇنخۇاڭدىن كۆپلىگەن قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ۋە خەنزۇچە، سانسكرىتچە، تىبەتچە ھۈججەت قول يازمىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. 1911-يىلى فرانسىيە ئىنستىتۇتى (پارىژدا) دا ئوتتۇرا ئاسىيا تىل، تارىخ، ئارخېئولوگىيە پروفېسسورى بولغان. 1920-يىلدىن باشلاپ شەرقشۇناسلىق ئىلمىي ژۇرنىلى «ئاخبارات» نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. 1921-يىلى فرانسىيە مېتال ۋە تاش پۈتۈكلەر (مېتال ۋە تاشقا ئويۇلغان تارىخىي ماتېرىياللار) ئىنستىتۇتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1935-يىلى ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ، ئاساسەن جۇڭگو تارىخى ۋە مەدەنىيىتى، موڭغۇل مەدەنىيىتى ۋە تىلى، تەرىقەتچىلىك (تويىنىزم) تارىخى، بۇددىزم تارىخى، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ «دۇنخۇاڭ مىڭ ئۆيى»، «قەدىمكى موڭغۇللارنىڭ يېزىق سىستېمىسى»، «ئالتۇن ئوردا خانلىقى تارىخىدىن تەرمىلەر»، «چىڭگىزخاننىڭ ئۇرۇش تارىخى»، «شىزاڭ قەدىمكى زامان تارىخى» ۋە ئۈچ توملۇق «ماركوپولو ساياھەت خاتىرىسىگە ئىزاھات» ناملىق ئەسەرلىرى بار.

پېلوپوننېس ئۇرۇشى

  • پېلوپوننېس ئۇرۇشى[يەشمىسى:] قەدىمكى گرېتسىيىدە سپارتا باشچىلىقىدىكى پېلوپوننېس ئىتتىپاقى بىلەن دېڭىزدا كۈچلۈك بولغان ئافىنا ئوتتۇرىسىدىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىش ئۇرۇشى. ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى (مىلادىدىن ئىلگىرى 431 — 421) دا سپارتا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى پادىشاھ ئارخىدامنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا ئاتتىكاغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئافىناغا قىستاپ كەلگەن ھەمدە دېلوس ئىتتىپاقىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ئافىنانىڭ مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالغان. مىلادىدىن 430 — 429 يىل ئىلگىرى ئافىنادا ۋابا كېسىلى تارقاپ نۇرغۇن كىشى ئۆلگەن (ئافىنا ھۆكۈمرانى پېرىكلىغىمۇ كېسەل-يۇقۇپ ئۆلگەن). بىراق ئافىنا دېڭىز ئارمىيىسى جەنۇبىي گرېتسىيە دېڭىز بويلىرى ئەتراپىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغان. ئېلوتلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، سپارتامۇ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. مىلادىدىن 421 يىل ئىلگىرى ئىككى تەرەپ «نىسىياس سۈلھ شەرتنامىسى» ئىمزالاپ، ئۇرۇشنى توختاتقان. ئىككىنچى باسقۇچى (مىلادىدىن ئىلگىرى 415 — 404). ئافىنا ئالكىۋىد، نىسىياس قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى قوشۇننى سىتسىلىيە ئارىلىغا ئەۋەتكەن. ئۇلار سەپەرگە ئاتلانغاندىن كېيىن، ئالدىنقىسى ئىسلاھاتقا تىل تەگكۈزدى، دېگەن بەتنام بىلەن ئەيىبلىنىپ، جىنايىتىدىن قورقۇپ سپارتاغا قاچقان. نىسىياس قوماندانلىقىدىكى ئارمىيە سىراكۇزغا ھۇجۇم قىلىپ دەسلەپ غەلىبە قىلغان، بىراق سپارتانىڭ ياردەمگە كەلگەن ئارمىيىسى يېتىپ كېلىش بىلەن ئافىنا قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، پۈتۈن قوشۇنى ھالاك بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سپارتانىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئاتتىكاغا زور كۆلەمدە بېسىپ كىرىپ، ئافىناغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان. لاۋرېئون كۈمۈش كېنىدىكى 20 مىڭ قۇل قېچىپ كەتكەن، دېلوس ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاقسۆڭەكلەر سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، تۇشمۇ تۇشتىن ئافىنانىڭ تىزگىنلىشىدىن خالاس بولغان. مىلادىدىن 411 يىل ئىلگىرى ئافىنا دۆلىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئولىگارخ ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان. كۈچ سېلىشتۇرمىسى بارغانسېرى ئافىناغا پايدىسىز بولۇپ قالغان. كېيىنكى بىرقانچە يىل ئىچىدە ئافىنا دېڭىز ئارمىيىسى بىرنەچچە قېتىملىق غەلىبىلىك جەڭ ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن سپارتا پېرسىيىنىڭ ياردىمى بىلەن دېڭىز ئارمىيىسى قۇرغان. مىلادىدىن 405 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتتا ھېلېسپونت يېنىدىكى ئىگوسپوتام (تىكە دەرياسى) دەرياسى جېڭىدە ئافىنا دېڭىز ئارمىيىسى قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، كۆپلىگەن ئۇرۇش كېمىلىرىدىن مەھرۇم بولغان، گېنېراللىرى ئۆلتۈرۈلگەن، بىرقانچە مىڭ ئەسكىرى ئەسىرگە چۈشكەن، ئۇنىڭ بۇرۇنقى دېڭىزدىكى ئۈستۈنلۈكى يەكسان قىلىنغان. سپارتا باش قوماندانى لېساندېر غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ، ئافىنا شەھىرىنى ئالغان. مىلادىدىن 404 يىل ئىلگىرى ئافىنا تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولغان؛ 12 ھەربىي كېمىنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا، بارلىق ھەربىي كېمىلىرىنى سپارتاغا تاپشۇرۇپ بەرگەن؛ ئافىنا شەھىرىدىن پىرېي پورتىغا قەدەر بولغان «ئۇزۇن سېپىل» چۇۋۇپ تاشلانغان؛ «دېلوس ئىتتىپاقى» تارقىتىۋېتىلىپ، ئۆزىنىڭ سىرتتىكى بارلىق زېمىنىدىن ۋاز كەچكەن. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش گرېتسىيە ئىگىلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتقان. زومىگەرلىك ھوقۇقى ۋاقتىنچە سپارتانىڭ قولىغا ئۆتكەن. مىلادىدىن 424 يىل ئىلگىرى ئافىناغا سەردار بولغان فۇكېدىد ئۆزىنىڭ «پېلوپوننېس ئۇرۇشى تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنى (مىلادىدىن 411 يىل ئىلگىرى) تەپسىلىي خاتىرىلىگەن.

پېلوپوننېس ئىتتىپاقى

  • پېلوپوننېس ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]سپارتا باشچىلىقىدىكى پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىدىكى (جەنۇبىي گرېتسىيە) شەھەر دۆلەتلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ھەربىي، سىياسىي ئىتتىپاق. مىلادىدىن تەخمىنەن 530 يىل ئىلگىرى پېلوپوننېس ئارىلىدىكى كۆپ سانلىق شەھەر دۆلەتلىرى (شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى ئاگرىس، غەربىي شىمالدىكى ئاگىيە رايونىدىن باشقا) ئىتتىپاقچى شەھەر دۆلىتىنىڭ، ئاساسلىقى سپارتا قۇلدارلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ قېلىش غەرىزىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۇ ئىتتىپاققا قاتناشقان. شەكىل جەھەتتە بارچە زور مەسىلىلەرنى ھەر يىلى سپارتادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىتتىپاقچىلار ۋەكىللىرى كېڭەشمىسى بىر تەرەپ قىلغان، لېكىن ئەمەلىيەتتە تامامەن سپارتا ھۆكۈمرانلىرىغا باغلىق بولغان. سىرتقى ئۇرۇشقىمۇ سپارتالىقلار قوماندانلىق قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى داۋامىدا ئىتتىپاقچى شەھەر دۆلەتلىرى (سپارتانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا) ئافىنا بىلەن بىرلىشىپ پېرسىيىگە قارشى تۇرغان. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىتتىپاقچىلار بىلەن ئافىنا ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى زىددىيەت كۈنسېرى ئۆتكۈرلىشىپ، ئاخىر گرېتسىيىدە خوجايىنلىق قىلىشنى تالىشىش يۈزىسىدىن پېلوپوننېس ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرى 431 — 404) نىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان. ئۇرۇشتا سپارتا غەلىبە قىلغان. بۇ ئىشتىن كېيىن سپارتا ئاقسۆڭەكلەر كۈچىنى پائال يۆلەپ، باشقا دۆلەتلەر(جۈملىدىن ئىتتىپاقچىلار) نىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ كەلگەن. مىلادىدىن 394 يىل ئىلگىرى تېببېس ئافىنا، كورىنتوس (ئەسلى سپارتانىڭ ئىتتىپاقدىشى) قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، سپارتاغا قارشى چىققان. مىلادىدىن 371 يىل ئىلگىرى ئىپامېنوندا سپارتانى مەغلۇپ قىلىپ (لىئوكتىرا جېڭىدە)، ئىككىنچى يىلى پېلوپوننېسقا يۈرۈش قىلغان. ئىتتىپاق بىلەن سپارتانىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقى شۇنىڭ بىلەن يىمىرىلگەن.

پېلوپېدا

  • پېلوپېدا[يەشمىسى:]Pelopidas، مىلادىدىن ئىلگىرى 410 — 364) قەدىمكى يۇناندىكى تېبېسلىق گېنېرال. باي ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئېپامىنوندا بىلەن بىرلىشىپ تېبېسنىڭ يۇناندىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى كۈچەيتكەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئېپامىنوندا بىر قېتىملىق جەڭدە جانپىدالىق كۆرسىتىپ پېلوپېدانى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ئىككىيلەن قەدىناس دوستلاردىن بولۇپ قالغانىكەن. مىلادىدىن 379 يىل ئىلگىرى سپارتالىقلارنى تېبېستىن قوغلاپ چىقىرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئاتلىق قوشۇنغا قوماندان بولغان. مىلادىدىن 371 يىل ئىلگىرى لېئوكترا جېڭىدە ئېپامىنونداغا ياردەملىشىپ سپارتانى مەغلۇپ قىلغان؛ ئىككىنچى يىلى بىرلىكتە پېلوپوننېس (جەنۇبىي يۇنان) غا قوشۇن تارتقان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سپارتا ھۆكۈمرانلىق ھالىتىگە خاتىمە بېرىلگەن. دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن سىياسىي رەقىبلىرىنىڭ شىكايەت قىلىشىغا (ئىككىيلەننىڭ ھەربىي ھوقۇق تۇتۇش مۇددىتى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتكەن) ئۇچرىغان، لېكىن جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن جازالانمىغان. مىلادىدىن 368 يىل ئىلگىرى تېسالىيە (شىمالىي يۇنان) دىكى پېرې (Pherae) شەھىرىنىڭ ھۆكۈمرانى ئالېكساندرغا (Alexander) قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئەۋەتىلگەندە دەسلەپ نەتىجە قازىنالمىغان. كېيىن ماكېدونىيىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ ئاندىن تېسالىيىگە (ئەلچى سۈپىتىدە) قايتقان چاغدا ئالېكساندر تەرىپىدىن نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان؛ مىلادىدىن 367 يىل ئىلگىرى ئېپامىنوندا قوشۇن تارتىپ كېلىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇۋالغان. شۇ يىلى بۇيرۇققا بىنائەن پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى سۇساغا ئەلچى بولۇپ بېرىپ، سپارتا بىلەن ئافىنانىڭ تەسىرىنى يوقاتماقچى بولغان. مىلادىدىن 364 يىل ئىلگىرى يەنە تېسالىيىگە بېرىپ ئالېكساندر بىلەن قاتتىق جەڭ قىلغان (ئېيتىشلارغا قارىغاندا كۈن تۇتۇلۇپ ئەسكەرلەر ئالاقزادىلىك ئىچىدە قالغان)، پەقەت 300 ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ، يول ئۈستىدە قوشۇننى بىرئاز تولۇقلاپ، ئاخىر سۇنۇسېپ خالېدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ، قەتلى قىلىنغان. تېبېسلىقلار ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى داغدۇغىلىق ئۇزاتقان.

پېلويئاننىس

  • پېلويئاننىس[يەشمىسى:]Nikos Peloyiannis، 1915 — 1952) گرېتسىيە كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى (1950 — 1962)، قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مەزگىلىدىلا بىرىنچى تۈركۈمدىكى كوممۇنىزمچى ياشلار تەشكىلاتىغا قاتناشقان. 1934-يىلى گرېتسىيە كومپارتىيىسىگە قاتناشقان. 1934 — 1936-يىللىرى پېلوپوننېس پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بولغان. كىشمىش ئىشلەپ چىقارغۇچىلار قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتناشقانلىقتىن، قولغا ئېلىنغان. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئافىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئوقۇغان. كېيىن ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقتىن، يەنە كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە سۈرگۈن قىلىنغان. 1943-يىلى نېمىس قوشۇنلىرى ئىشغالىيىتى مەزگىلىدە، تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ قارشىلىق كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. 1943 — 1944-يىللىرى گرېتسىيە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئۈچىنچى كورپۇسنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان. گرېتسىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلى (1946 — 1949) دە، گرېتسىيە كومپارتىيىسى پېلوپوننېس تەشكىلاتىدا مەدەنىيەت خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان، كېيىن ۋاقىتلىق دېموكراتىك ھۆكۈمەت ھەربىي ئىشلار رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان.1949-يىلى بۇ ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلۇپ، گرېتسىيە كومپارتىيىسىنىڭ باشقا رەھبەرلىرى بىلەن بىللە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قېچىپ كەتكەن. 1950-يىلى 6-ئايدا ئافىناغا يوشۇرۇن قايتىپ كېلىپ مەخپىي ئىنقىلابىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، 12-ئايدا قولغا ئېلىنغان.كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن.

پېنسىيە ئالغۇچىلارنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنى

  • پېنسىيە ئالغۇچىلارنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنى[يەشمىسى:]ھەربىي سەپتىن چېكىنىش پۇلى ئالغۇچىلارنىڭ ھەربىي يۈرۈش قىلىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ بىر قېتىملىق تەلەپنامە سۇنۇش ھەرىكىتى. 1932-يىلى ياز پەسلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن 25 مىڭ نەپەردىن كۆپرەك ھەربىي ۋاشىنگتونغا توپلىنىپ، قوشما شتاتلار ھۆكۈمىتىگە تەلەپنامە سۇنۇپ، 1924-يىلدىكى «يېڭىدىن تۈزۈپ چىققان ياردەم پۇلى قانۇنى» بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن «ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرگە ياردەم پۇلى» تارقىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. 7-ئاينىڭ 28-كۈنى (پەيشەنبە) ھۆكۈمەت ئەسكەر ئەۋەتىپ باستۇرغان. ماكارتۇر (MacArthur) نىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىدا ئارمىيە-ساقچىلار تەلەپنامە سۇنغۇچىلارغا ئوق چىقىرىپ باستۇرغان، كۆ پئادەم ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان ھەمدە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ۋاقىتلىق گازارمىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ، ئۇلارنى پايتەختتىن قوغلاپ چىقارغان. بۇ ئامېرىكا تارىخىدا «قانلىق پەيشەنبە چوڭ قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتالغان.

پېئېل

  • پېئېل[يەشمىسى:]Robert Peel،1788— 1850) ئەنگلىيە باش ۋەزىرى (1834 — 1835، 1841 — 1846). تۆرىلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى. 1808-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1809-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئېرلاندىيە ئىشلىرى ۋەزىرى(1812 — 1818)، دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى(1822 — 1827)، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى (1828 — 1830) بولغان. تۇنجى قېتىم باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە، تۆرىلەر پارتىيىسىنى ۋېگ پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان سانائەت بۇرژۇئازىيىسىگە پايدىلىق بولغان بەزى ئىسلاھاتلىرىنى قوللاشنى تەشەببۇس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن تۆرىلەر پارتىيىسىنىڭ ئۆزگىرىپ مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان. ئىككىنچى قېتىم باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە مالىيە جەھەتتە بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، تاپاۋەت بېجىنى يولغا قويغان، چېگرا بېجىنى كېمەيتكەن، بانكىلارنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن ھەمدە «ئاشلىق قانۇنى» نى ئەمەلدىن قالدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن تۆرىلەر پارتىيىسىنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1846-يىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

پىچىنچا جېڭى

  • پىچىنچا جېڭى[يەشمىسى:] لاتىن ئامېرىكىسى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدىكى مۇھىم جەڭ. بۇ جەڭ ئېكۋادورنىڭ كىتو دېگەن يېرىنىڭ يېنىدىكى پىچىنچا (Pichincha) يانار تېغىنىڭ قاپتىلىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. 1821-يىلى بولىۋار كولۇمبىيىدىن سۇكرېنى قوشۇن باشلاپ، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بازىسى — ئېكۋادورغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن. سۇكرې ئالدى بىلەن پېرۇدىن ياردەمگە كەلگەن ئىسپانىيە ئارمىيىسىگە توسۇپ زەربە بەرگەن ھەمدە مۇستەملىكىچى ئارمىيىنى پىچىنچا يانار تېغى قاپتىلىغا قاپسىۋالغان. سان مارتىن (Josede San Martin) مۇ گېنېرال سانتاكرۇس (Andres desantacruz،1792— 1865-يىللار) نى قوشۇن باشلاپ، پېرۇنىڭ شىمالىدىن سۇكرېغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن. 1822-يىل 5-ئاينىڭ 22-كۈنى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئىسپانىيە ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا باشلىغان، 24-كۈنى ئىسپانىيە ئارمىيىسىنى يېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلغان. بۇ قېتىمقى جەڭ قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسىنىڭ كىتونى ئازاد قىلىشى ۋە ئىسپانىيە كۈچىنى جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىدىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىشى ئۈچۈن مۇھىم شەرت-شارائىت يارىتىپ بەرگەن.

پىتاگوراس

  • پىتاگوراس[يەشمىسى:]Pythagoras، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 580 — 500) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى، ماتېماتىكى. پىتاگوراس ئىلمىي ئېقىمىنى ياراتقۇچى. ساموس ئارىلىدا تۇغۇلغان. دادىسى منېساركۇ (Mnesarchus) ھەيكەلتىراش (ياكى سودىگەر) بولغان. پېرېسدې (Pherecydes) ۋە كرېئوپىلۇ (Creophilus) دىن ئۆگەنگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن مىسىر، بابىلون، كرت ئارىلىدا زىيارەتتە بولغان ھەمدە بەزى سىرلىق دىنىي مەزھەپلەر بىلەن ئۇچراشقان. يۇرتىدىكى پولىكرات (Polycrates ياكى Поликрат) نىڭ تىران ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، تەخمىنەن مىلادىدىن 529 يىل ئىلگىرى يۇناننىڭ جەنۇبىي ئىتالىيىدىكى مۇستەملىكە شەھىرى كروتون(Croton)غا كۆچۈپ بارغان. بۇ يەردە «پىتاگوراس جەمئىيىتى» نى قۇرغان، بۇ تەشكىلات دىنىي ۋە ئىلمىي خاراكتېردىكى سىياسىي تەشكىلات بولۇپ، بايلارنىڭ بالىلىرىدىن 300 دىن ئارتۇق كىشىنى مۇرىتلىققا قوبۇل قىلغان ھەمدە بۇ شەھەرگە قانۇن چىقىرىپ بېرىپ، ئۆزگىچە ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىقىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ پائالىيىتى ئەتراپتىكى يۇنان شەھەرلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن. مۇرىتلىرىغا قاماقتا يېتىپ-قوپۇشتا بىللە بولۇش، ئوخشاش كىيىم كىيىش، خىزمەتتە مۇۋاپىق بولۇش، يېمەك-ئىچمەككە چەك قويۇش؛ ماتېماتىكا، مۇنەججىملىك، مۇزىكا، سەھىيە قاتارلىق پەنلەرنى مۇھاكىمە قىلىش، ئاۋۋال لېكسىيە ئاڭلاش، ئۇنىڭدىن كېيىن چۈشىنىش، ئاز سوئال سوراش توغرىسىدا تەلىم بەرگەن. سىرلىق دىنىي قائىدە-يوسۇنلارنى (ھەممە ئادەم قاتنىشىش) بەلگىلىگەن. «روھ ئۆلمەيدۇ»، «روھ كۆچىدۇ» ۋە «تەن روھنىڭ تۈرمىسى» دېگەنگە ئوخشاش دىنىي ئەقىدىلەرنى تەرغىپ قىلغان؛ يەنە بەزى غەلىتە ئەمىر-مەرۇپلار (ئالايلۇق پۇرچاق ۋە ھايۋاناتلارنىڭ يۈرىكىنى يېيىشنى مەنئى قىلىش، كۈرە-كەمچەننىڭ ئۈستىدە ئولتۇرماسلىق، باشقىلار بىلەن ئوڭايلىقچە قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىك قاتارلىقلار) نى تۈزۈپ چىققان. «سىياسىي بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن» بۇ خىل ھاكىمىيەت يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئاخىر بىر قېتىملىق توپىلاڭغا سەۋەب بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، پىتاگوراس قېچىپ كېتىۋاتقاندا ئۆلتۈرۈلگەنىكەن. كېيىنكىلەرگە ئەسەرلىرى قېپقالمىغان، ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە تەلىماتلىرى كلاسسىك يازغۇچىلار (ئارىستوتېل، دىئوگېن، دىئوگېن لارتىئۇس) نىڭ خاتىرىلىرىدە كۆرۈلىدۇ. ئۇ ئالەمنىڭ مەنبەسى ھەرقانداق ماددا بولماستىن، بەلكى ئابستراكت سان؛ جىسىم نۇقتا، سىزىق، دائىرە ۋە گەۋدىدىن تەركىب تاپىدۇ، سان ئاساسىي نۇقتا ھېسابلىنىدۇ؛ ساندىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ماددا بولمايدۇ؛ قىسقىسى «ماددا دېمەكلىك- سان دېمەكلىك، ماددا ساندا بولىدۇ»، «سان جىمىكى نەرسىنى باشقۇرىدۇ، شۇنداقلا ئالەمنىڭ تەرتىپى» نىمۇ تەشكىل قىلىدۇ؛ 1 تۈپ سان بولۇپ، ئۇ ھەممە ساننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەم ھەممە ساننىڭ ئىچىدە بولىدۇ. 1 گە تاق ساننى قوشقاندا جۈپ سان مەيدانغا كېلىدۇ، 1 گە جۈپ ساننى قوشقاندا، تاق سان مەيدانغا كېلىدۇ، تاق ۋە جۈپ سانلارنىڭ بىر-بىرىدىن مەيدانغا كېلىشى ئارقىسىدا، قارىمۇ قارشى تەرەپلەرنىڭ «ماسلىشىشى» ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ماسلىشىش — تەرتىپ، تەرتىپ بولسا 1 بولۇپ ھېسابلىنىدۇ دەپ قاراپ، سان ئۇقۇمى ۋە بەلگىلىرىنى سىرلىقلاشتۇرغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ «ماسلىشىش» نەزەرىيىسى ئارقىلىق مەلۇم سان مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلغان ئاسمان جىسىملىرى ھەرىكىتىنى، جۈملىدىن ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىدە قانۇنىيەتچانلىق بولىدۇ دېگەن ئىدىيىنىڭ بىخلىرىنى بايان قىلغان. ئۇ ئوتنى مەركەز دەپ ھېسابلىغان، يەرنى بولسا بۇ مەركىزىي جىسىمنى دەۋر قىلىپ، ئوربىتىدا ھەرىكەت قىلىدىغان سەييارە دەپ قارىغان. بۇ ئوت ئۇنىڭ نەزەرىدە قۇياش بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ ھەر ھالدا يەر شارىنىڭ ھەرىكىتى توغرىسىدىكى تۇنجى قىياس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە كائىناتتىكى ئون خىل زىددىيەت (يەنە بىر ئېيتىلىشتا ئۇنىڭ مۇرىتلىرى تۈزۈپ چىققانمىش) نى يەنى چەكلىك بىلەن چەكسىزلىك، تاق بىلەن جۈپ، بىر بىلەن كۆپ، ئوڭ بىلەن سول، مۇزەككەر بىلەن مۇئەننەس (ياكى ئەر بىلەن ئايال)، تىنچلىق بىلەن ھەرىكەت، تۈزلۈك بىلەن ئەگرىلىك، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، كۋادرات بىلەن تىك تۆت تەرەپلىك، چاسا بىلەن چەمبەر) نى ئوتتۇرىغا قويغان. گېئومېترىيىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، غەربتە «تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ يانتۇ تەرىپىنىڭ كۋادراتى باشقا ئىككى تەرەپنىڭ كۋادراتىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ» (a2+b2=c2) دېگەن تېئورېمىنى تۇنجى قېتىم كەشپ قىلغان. ئۇنىڭ ئىدېئالىزملىق تەلىماتى يۇناننىڭ باشقا ئىدېئالىزملىق تەلىماتىغا، بولۇپمۇ پلاتوننىڭ ئىدېئالىزملىق سىستېمىسىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن.

پىتتى

  • پىتتى[يەشمىسى:]1) William Pitt the Elder، 1708 — 1788). كىشىلەر چوڭ پىتتى دەپ ئاتىغان. خۇيگ پارتىيىسىدىن.1735-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان.1746-يىلدىن باشلاپ خۇيگ پارتىيىسىنىڭ ھەر قېتىملىق كابىنېتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. ۋالپولې ۋە كورۇل گېئورگې Ⅱ گە باشلامچىلىق بىلەن قارشى تۇرغان. 1756 — 1757-يىللىرى خۇيگ پارتىيىسى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ داھىيسى بولۇپ، دىپلوماتىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولغاندا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئاساسلىق سىياسەت بەلگىلىگۈچىسىگە ئايلانغان. 1757-يىلى 4-ئايدا بىر مەھەل ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن، ئۇزاق ئۆتمەي ۋەزىپىسى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ئىشلار (1757 — 1761)نى باشقۇرغان، يەتتە يىللىق ئۇرۇش مەزگىلى (1756 — 1763) دە ئەنگلىيىنىڭ ئاساسلىق سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان. 1768-يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئىستېپا بەرگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيە بىلەن شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشكە كۈچ چىقىرىپ، شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكىلىرىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسقان. (2) (William Pitt The Younger، 1759 — 1806) چوڭ پىتتىنىڭ ئوغلى، كىشىلەر كىچىك پىتتى دەپ ئاتىغان. ئەنگلىيىنىڭ باش ۋەزىرى(1783 — 1801، 1804 — 1806). تورى پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. 1781-يىلى تۆۋەن پالاتانىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1782 — 1783-يىللىرى مالىيە ۋەزىرى بولغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، مالىيە ۋە چېگرا بېجى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، دۆلەت قەرزىنى ئازايتىپ، بىر-نەچچە خىل چېگرا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئەركىن سودىنى تەشەببۇس قىلغان. 1784-يىلى شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ھىندىستاننى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەن؛ 1791-يىلى كانادانىڭ مەمۇرىي تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن؛ 1800-يىلى ئىرلاندىيە بىلەن ئەنگلىيىنىڭ قوشۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئىرلاندىيىنىڭ مىللىي دېموكراتىك ھەرىكىتىنى باستۇرغان؛ 1789-يىلى فرانسىيىدە ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق ئۇيۇشتۇرۇپ، فرانسىيە ئىنقىلابىي ھاكىمىيىتى ۋە ناپولېئون ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بارغان.

پىتتى قانۇن لايىھىسى

  • پىتتى قانۇن لايىھىسى[يەشمىسى:]تولۇق نامى «شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنى ۋە برىتانىيىنىڭ ھىندىستاندىكى زېمىنىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسى».1784-يىلى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كىچىك پىتتى ئەنگلىيىگە قارام بولغان ھىندىستانغا قارىتا جاكارلىغان باشقۇرۇش قانۇن لايىھىسى. ئۇنىڭدا: بىر مالىيە ۋەزىرى، بىر دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى ۋە كورۇل بەلگىلەپ بەرگەن تۆت نەپەر مۇھىم مەسلىھەتچىلەردىن تەركىب تاپقان تولۇق ھوقۇقلۇق كومىتېت (ئادەتتە باشقۇرۇش ئىدارىسى دەپ ئاتىلىدۇ) تەسىس قىلىش؛ بۇ كومىتېت ھىندىستانغا قارىتىلغان سىياسىي، ھەربىي ھۆكۈمرانلىق سىياسىتىگە مەسئۇل بولۇش، شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ مالىيەسىنى نازارەت قىلىش، ئۇنىڭدا ئۇرۇش ئېلان قىلىش ۋە كېلىشىم تۈزۈش ھوقۇقى بولۇش؛ تولۇق ھوقۇقلۇق كومىتېتىنىڭ مەخپىي بۇيرۇقى ئۈچ دىرېكتور (Direictor)دىن تەشكىل تاپقان مەخپىي كومىتېت ئارقىلىق ھىندىستانغا يەتكۈزۈلۈش؛ ئەسلىدىكى دىرېكتورلار باشقارمىسى پەقەت كادىر بەلگىلەش ۋە ئادەتتىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنىلا ساقلاپ قېلىپ، ھىندىستان ۋە جۇڭگوغا بولغان سودا مونوپول ھوقۇقىنى يەنىلا ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇش. شىركەتنىڭ ئىجازەت ۋاقتى 1813-يىلغىچە ئۇزارتىلىش بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن لايىھىسى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستاننى بىۋاسىتە كونترول قىلىشنىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، تولۇق ھوقۇقلۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەمەلىيەتتە، ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرىگە ئايلانغان.

پىدائىي ئەسكەرلەر ھەرىكىتى

  • پىدائىي ئەسكەرلەر ھەرىكىتى[يەشمىسى:]چاۋشيەن خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق كۈرەش. چاۋشيەندە چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەنگەن قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھەممىسى پىدائىي ئەسكەرلەر ياكى پىدائىي قوشۇن دەپ ئاتالغان. 1894-يىلى دۇڭشۆداڭ پىرقىسىدىكىلەر قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ ياپونىيىگە قارشى قوراللىق كۈرىشى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلگەن. ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، چاۋشيەن ياپونىيە ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان. بۇ ھال خەلقنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىغان. سىئول شەھىرى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەلەپ قويۇش، نامايىش قىلىش، ئىش تاشلاش ۋە بازارنى توختىتىشقا ئوخشاش ياپونغا قارشى ھەرىكەتلەر داۋاملىق ئېلىپ بېرىلغان. 1906-يىلى سابىق دادخاھ مىن زۇڭجى بەش يۈز پىدائىي ئەسكەرنى باشلاپ ھەممىدىن ئاۋۋال قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، جۇڭچىڭ ئۆلكىسىدىكى خۇڭجۇ شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. ئاندىن پېشقەدەم ئۆلىما سۈي يىشۈەن ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن لىن بىڭزەن قاتارلىق كىشىلەر چۈەنلۇ ئۆلكىسىنىڭ تەيرىن دېگەن يېرىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 1907-يىلى ياپونىيە گاۋزۇڭنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلىغان، «كورىيە-ياپونىيە توختامى» يەنى «دېڭۋېي يىلىدىكى يەتتە ماددىلىق شەرتنامە») نى ئىمزالاپ، چاۋشيەننى ئارمىيىنى تارقىتىۋېتىشكە زورلىغان چاغدا، نۇرغۇن ئەسكەرلەر قورال تاشلاشنى رەت قىلغان. ئۇلار قورال-ياراقلارنى قولىغا ئېلىپ، ياپون قوشۇنىغا قارشى كۈرەش قىلغان. ياپونىيىگە قارشى پىدائىي ئەسكەرلەر ھەرىكىتى كۈندىن-كۈنگە كېڭىيىپ پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلاپ كەتكەن. 1907-يىلى 12-ئايدا «13 ئۆلكىدىكى پىدائىي ئەسكەرلەرنىڭ باش قوماندانى» بولغان لى لىنرۇڭ باشچىلىقىدىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك قوراللىق قىسىم تەشكىللەنگەن ھەمدە ئۇلار سىئول شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان. ياپونىيە قوشۇنىنىڭ توسۇپ زەربە بېرىشىگە ئۇچرىغانلىقتىن مەغلۇپ بولغان. پىدائىي ئەسكەرلەر ھەرىكىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. 1907 — 1910-يىللارداھەممىلا يەردە ياپونىيىنىڭ مۇئەسسەسەلىرى بۇزۇپ تاشلانغان. ۋەتەن ساتقۇچ بيۇروكراتلار يوقىتىلغان. پىدائىي ئەسكەرلەرنىڭ كۈچى قۇدرەت تاپقان رايونلاردا ياپونىيىنىڭ ھۆكۈمران ئورگىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. پىدائىي ئەسكەرلەر ئاساسەن دېھقانلاردىن تەركىب تاپقانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ رەھبەرلىرى كونا ھەربىيلەر، بيۇروكراتلار، ئۆلىمالار ۋە دېھقانلاردىن تەركىب تاپقانلىقى ھەم ئېنىق سىياسىي پروگراممىسى ۋە قاتتىق تەشكىلچانلىقى بولمىغانلىقتىن، ئاخىر ياپونىيە جاھانگىرلىكى ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ بىرلىشىپ باستۇرۇشى ئاستىدا مەغلۇپ بولغان.

پىدىياس

  • پىدىياس[يەشمىسى:]Pheidias ياكى Phidias، تەخمىنەن مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى ياكى مىلادىدىن ئىلگىرى 485 — 432) قەدىمكى يۇنانلىق ھەيكەلتىراش، ئارخېتىكتور ئۇستىسى. ئافىنالىق، كارمېدې (Charmidis) نىڭ ئوغلى. ئارگوسلىق ھەيكەلتىراش. ئاگېلادا (Ageladas) شاگىرتى، پولىكلېيت بىلەن دەۋرداش، بىراق، يېشى ئۇنىڭدىن سەل چوڭ. پېرىكلېيتنىڭ دوستى ۋە قوللىغۇچىسى. ئافىنا شەھەر قەلئەسىنى لايىھىلەش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولغان. بولۇپمۇ مەبۇدە ئافىنانىڭ ھەيكىلىنى ياساش بىلەن داڭق چىقارغان. پېلوپوننېسا يېرىم ئارىلىدىكى ئولىمپىياغا (Olympia) بېرىپ، قەدىمكى زامان دۇنياسىدىكى «ئاجايىپ مۆجىزە» دەپ ئاتالغان تەڭرى زېۋىسنىڭ غايەت چوڭ ھەيكىلىنى پۈتتۈرگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن 434 يىل ئىلگىرى ياكى مىلادىدىن 433 يىل ئىلگىرى ئافىناغا قايتقاندىن كېيىن، پېرىكلېيتنىڭ ئۆكتىچىلىرى تەرىپىدىن ئىلاھقا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان، دەپ قارىلانغان، پېرىكلېيت ئۇنى ھەر تەرەپتىن قۇتقۇزۇپ باققان بولسىمۇ، ۋۇجۇدقا چىقماي، ئاخىر تۈرمىگە ئېلىنىپ ئۆلگەن. ئافىنا شەھەر قەلئەسىدە ئۇنىڭ ئۆز قولىدا ئىشلەنگەن نەرسە ئىككى. بىرى، قەلئە مەيدانىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان «ئۇرۇش ئىلاھى ئافىنا» نىڭ برۇنزا ھەيكىلى، ئۇ تەخمىنەن مىلادىدىن 460 — 450 يىل ئىلگىرى پۈتكۈزۈلگەن؛ يەنە بىرى، پارفىنون ئىبادەتخانىسى (يەنى ئافىنا ئىبادەتخانىسى) دىكى ئېگىزلىكى 12 مېتر كېلىدىغان ئافىنا ھەيكىلى، يۇنانلىقلار ئۇنى «ئالتۇن پىل چىشى ھەيكىلى» دەپ ئاتاشقان، ئۇ ياغاچ ياكى تاش ھەيكەل ئۈستىگە پىل چىشى ۋە ئالتۇننى ئورنىتىپ ياسالغان؛ مەبۇدە ئوڭ قولىدا «غەلىبە تەڭرىسى» نىڭ ھەيكىلىنى تۇتقان، سول قولىغا بىر قالقان ئالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇنانلىقلار بىلەن ئامازۇنلار (Amazons، يات مىللەت ئايال جەڭچىلىرى) نىڭ جەڭ قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ئويۇلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، پارفىنون ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۆزىدىكى نۇرغۇن ئويمىچىلىق ئەسەرلىرىمۇ پىدىياسنىڭ قاتنىشىشى ۋە قوماندانلىق قىلىشى بىلەن ئورۇندالغان (ئۇنىڭ قىسمەن پارچىلىرى بۈگۈنكى كۈندە برىتانىيەمۇزېيىداساقلانماقتا). پىدىياسنىڭ ئاجايىپ ئېسىل سەنئەت ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ۋەتىنى بولغان ئافىنانىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى «ئالتۇن دەۋرى» نى ئەكس ئەتتۈرگەن ھەم مەدھىيىلىگەن بولۇپ، قەدىمكى يۇنان ئويمىچىلىقىنىڭ راسا گۈللەنگەن دەۋرىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلەر دەپ قارالماقتا. ئۇزاقتىن بىرى تەسۋىرىي سەنئەتنىڭ بىر ئەۋلاد پىرى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

پىراندېللۇ

  • پىراندېللۇ[يەشمىسى:]Luigi Pirandello، 1867 — 1936) ئىتالىيىلىك دراماتورگ، يازغۇچى. سىتسىلىيە ئارىلىدىن، سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. رىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئۆگەنگەن. 1891-يىلى بونن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىلشۇناسلىق دوكتورى بولغان. 1897 — 1922-يىللىرى رىم قىزلار پېداگوگ ئىنستىتۇتىدا ئەدەبىيات دەرسى ئۆتكەن. 1904-يىلدىكى ھېكايىسى — «مەرھۇم باسجا» بىلەن نامى چىققان. 1921-يىلى «درامىدىكى ئالتە شەخسنىڭ يازغۇچىنى ئىزدىشى» دېگەن سەھنە ئەسىرى ئارقىلىق خەلقئارادا شان-شەرەپكە ئىگە بولغان. ئەسەرلىرى يۇمۇرلۇق بولۇپ، ئۇلاردا پسىخىك تەھلىلگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. رېئاللىق بىلەن غايىنى ماسلاشتۇرغىلى بولمايدۇ، ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى بولمايدۇ، دەپ ھېسابلىغان. روھى چۈشكۈن ئەمما ھاكاۋۇر بولۇپ، 1903-يىلى ئايالى ساراڭ بولۇپ قالغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. ئۆزى تىياتىر ئۆمىكى تەشكىل قىلىپ، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئويۇن قويغان. ئۇ ھازىرقى زامان تىياتىرىدا، بولۇپمۇ غەلىتە تىياتىردا مۇھىم شەخس ھېسابلىنىدۇ. 1934-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان، 40 سەھنە ئەسىرى، يەتتە ھېكايىسى بار. يەنە 200 پارچىدىن ئارتۇق قىسقا ماقالە ۋە شېئىرلار توپلىمى بار. «سېنىڭچە دۇرۇس بولغان بولسا، دۇرۇس بولۇۋېرىدۇ»، «ھېنرى Ⅳ» دېگەن سەھنە ئەسىرى،«تاشلاندۇق ئادەم»، «بىر، يوق ۋە 100 مىڭ» قاتارلىق ھېكايىلىرى بار.

پىرائېۋىس قورشاۋى

  • پىرائېۋىس قورشاۋى[يەشمىسى:]1850-يىلى يانۋاردا ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ گرېتسىيە پورتى پىرائېۋىسنى قامال قىلىش ۋەقەسى. 1848 — 1849-يىللىرىدىكى ياۋروپا ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنىڭ دولقۇنىدا، ئەنگلىيىگە قارام بولغان ئىئونىيە تاقىم ئاراللىرى (بولۇپمۇ كېفالىنىيە ئارىلى) دا مىللىي قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، گرېتسىيىگە قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلغان. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى گرېتسىيىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، گرېتسىيە مىللىي مۇستەقىللىك كۈرىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، 1850يىل1ئاينىڭ 17 -كۈنى ئوتتۇرا دېڭىز فلوتىنى ئەۋەتىپ، پىرائېۋىسنى قامال قىلىپ، گرېتسىيە ھەربىي پاراخوتلىرى ۋە سودا پاراخوتلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ، گرېتسىيە مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېڭى دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

پىررونPyrrhon

  • پىررونPyrrhon[يەشمىسى:]ياكى Pyrrho، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 365 — 275) پررو دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. گۇمانخورلارنىڭ پېشۋاسى. پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى (جەنۇبىي يۇنان) دىكى ئېلس (Elis) دېگەن يەردىن، ئائىلىسى نامرات ئۆتكەن. ياش ۋاقىتلىرىدا رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. كېيىن پەلسەپىنى تەتقىق قىلغان؛ مېگارا ئېقىمى ۋە دېموكراتىنىڭ ئاتوم نەزەرىيىسى تەلىماتى بىلەن ئۇچراشقان. ئاناكساركو (Anaxarchos، دېموكرات ئېقىمىغا تەۋە ئىدى) بىلەن بىللە، ئالېكساندر (بۈيۈك ئىمپېراتور) نىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، ھىندىستانغا بارغان. كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇلغان ئەسىرى يوق، ئۇنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرىنى شاگىرتى تىمون (Timon) خاتىرىلىۋالغان بولۇپ، بۇ خاتىرىلەرنىڭ پارچىلىرىلا ساقلىنىپ قالغان. پىررون، كىشىلەرنىڭ شەيئىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى (ماھىيىتى) نى تونۇشى مۇمكىن ئەمەس، بىز شەيئىلەرنىڭ راست ياكى يالغان ئىكەنلىكىنى تۇيغۇ ئارقىلىقمۇ، ھۆكۈم ئارقىلىقمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمىز، شۇڭا، ئۇلارغا ئىشەنمەسلىك كېرەك، بەلكى پىكىر بايان قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم، دەپ قارىغان. شەيئىلەرنىڭ ئۆزىدە ياخشى- يامانلىق، چىرايلىق-سەتلىك دېگەن نەرسە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، شەيئىلەرگە قارىتا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنىڭ بولۇشى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ نۇقتىئىنەزەرى ۋە ئادىتى بويىچە ھۆكۈم قىلغانلىقتىن بولغان. نېمىلا دېگەن بىلەن شەيئىلەرنى بىلگىلى بولمايدۇ، ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتىپ ئۆلچىمىمۇ مەۋجۇت ئەمەس، بىز مەڭگۈ «بۇ ئىشنى مۇشۇنداق بولىدۇ» دەپ ئېيتالمايمىز، بەلكى «بۇ ئىش مۇشۇنداق بولارمىكىن» دەپ ئېيتىشىمىز لازىم، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھەرقانداق ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىش ئەڭ يۈكسەك ياخشىلىق بولارمىش، بۇ خىل پوزىتسىيە «كۆڭۈلنىڭ ئەمىن تېپىشى» (Ataraxia) (ياكى «كۆڭۈلنى چاچماسلىق» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) نى ئىشقا ئاشۇرارمىش؛ كۆڭۈلنى سىرتقى نەرسىلەر (مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمايدىغان نەرسىلەر) چېچىۋەتمىگەندىلا، بارلىق ئارزۇ-ئۈمىدلەردىن ۋاز كېچىپ، غەم-ئەندىشىسىز ھالەتكە يەتكىلى بولارمىش، پىرروننىڭ گۇمانخورلۇق تەلىماتىغا ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرغان، كېيىنكىلەرمۇ گۇمانپەرەسلىكنى پىررونىزم دەپ ئاتىغان.

پىروتېستانت ئىتتىپاقى

  • پىروتېستانت ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]1608-يىلى گېرمانىيىدە پىروتېستانت دىنىدىكى بەگلىكلەردىن تەركىب تاپقان سىياسىي، ھەربىي ئىتتىپاق. دىنىي ئىسلاھاتتىن كېيىن، گېرمانىيىدە پىروتېستانت دىنىدىكى بەگلىكلەر بىلەن كاتولىك دىنىدىكى بەگلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئەۋج ئالغان. پىروتېستانت دىنىدىكى بەگلىكلەر ۋە ئىمپېرىيە شەھىرى ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن پفالىز (پالاتىن) نىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى كىنەزى فرېدرىخ Ⅳ(FriedrichⅣ، 1574 — 1601) نىڭ باشچىلىقىدا ئىتتىپاق تۈزگەن. ئىتتىپاق جامائەت مەبلىغى ۋە قوشۇنغا ئىگە بولغان ھەمدە دانىيە، گوللاندىيە،ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. كاتولىك دىنىدىكى بەگلىكلەر ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ، 1609-يىلى كاتولىك دىنى ئىتتىپاقىنى تۈزگەن. 1618-يىلى چېختا خابىسبۇرگ خاندانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ پارتلاپ، 30 يىللىق ئۇرۇش باشلانغان. ئىككىنچى يىلى فرېدرىخ Ⅳ نىڭ ئوغلى فرېدرىخⅤ چېخنىڭ پادىشاھلىقىغا سايلانغان. 1620-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بىلاخورا جېڭىدە چېخ ئارمىيىسى كاتولىك ئىتتىپاقى ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. فرېدرىخ Ⅴ گوللاندىيىگە قېچىپ كەتكەن. ئىككىنچى يىلى ئىتتىپاق پارچىلىنىپ كەتكەن.

پىرې

  • پىرې[يەشمىسى:]Dominique Georges Pire، 1910 — 1969) بېلگىيىلىك ئىجتىمائىي ئەرباب. تىنچلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى. 1928-يىلى دومىنكو راھىبلار ئۆمىكىگە قاتناشقان. 1932 — 1936-يىللىرى رىمدا ئۆگىنىپ، تىنولوگىيە دوكتورى ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. كېيىن لېئوۋېندا ئىجتىمائىي پەننى تەتقىق قىلغان ھەمدە ئۇزاققىچە خۇي (Huy) دا تۇرۇپ، ئېتىكا جەمئىيىتى ۋە سوتسىولوگىيە پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فاشىزمغا قارشى كۈرەش بىلەن شۇغۇللانغان. 1949-يىلىدىن باشلاپ مۇساپىرلارنى يېغىۋېلىش بويىچە خەلقئارالىق ئورگاندىن بىرمۇنچىنى قۇرۇپ چىققان. 1958-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مۇكاپات سوممىسىنى سەرپ قىلىپ خەلقئارالىق تىنچلىق مەركىزىنى قۇرۇپ چىقىپ، ياشلارنى تەربىيىلىگەن. «تىنچلىق ئورنىتايلى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

پىرېنېي سۈلھ شەرتنامىسى

  • پىرېنېي سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] فرانسىيە-ئىسپانىيە ئۇرۇشى (1635 — 1659) نى ئاخىرلاشتۇرغان شەرتنامە. 1659-يىل 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىمزالانغان، ئۇنىڭدا، فرانسىيە كاتالونىيىدە ئىگىلەپ قالغان بىر قىسىم رايونلار ۋە نېدېرلاندىيە ھەمدە فرانىس-كونتېدىكى بەزى قەلئەلەرنى ئىسپانىيىگە قايتۇرۇپ بېرىش، ئىسپانىيە ئالزاسقا بولغان تەلىپىدىن مەڭگۈگە ۋاز كېچىش بەلگىلەنگەن؛ يەنە فرانسىيە-ئىسپانىيە دۆلەتلىرىنىڭ سودا مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشمۇ بەلگىلەنگەن.

پىرىئام

  • پىرىئام[يەشمىسى:]Priamos ياكى Priam)، قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ترويانىڭ ئاخىرقى پادىشاھى. لائومېدون (Laomedon) نىڭ ئوغلى. ئېيتىلىشىچە خوتۇنى ھېكۇبا (Hecuba) ۋە باشقا ئاياللاردىن بولۇپ نەچچە ئون پەرزەنت كۆرگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھېكتور، پارىس، پوردولوس، كاسساندرا قاتارلىقلار بار ئىكەن. ترويا ئۇرۇشىدا (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅡ ئەسىردە) ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، يۇنان يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىگە 10 يىل قارشىلىق كۆرسەتكەن. گومېرنىڭ «ئىليادا» داستانىدا بايان قىلىنىشىچە، ھېكتور جەڭدە ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ ئاكىللېسقا ئىلتىماس قىلىپ سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېلىشكە رۇخسەت ئالغان ۋە ئۇنى ھەسرەت بىلەن دەپنە قىلغان. ترويا شەھىرى قولدىن كەتكەندىن كېيىن، ئېيتىلىشىچە پادىشاھ ئوردىسىدىكى زىۋىس پەشتىقىغا قېچىپ بېرىپ پاناھلانغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا ئۆلتۈرۈلگەن.

پىساكانې

  • پىساكانې[يەشمىسى:]Carlo Pisacane، 1818 — 1857)ئىتالىيە ئىنقىلابىي دېموكراتى ۋە خىيالىي سوتسىيالىستى. 1848-يىلدىكى ئىنقىلابقا قاتناشقان، رىم جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسىنىڭ شتابىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، «1848 — 1849-يىللاردىكى ئىتالىيە ئۇرۇشى» نى ئېلان قىلىپ، ئىنقىلاب تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، جۇمھۇرىيەتچى دېموكراتلار داھىيلىرىنى ئىنقىلاب مەزگىلىدە خەلق ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىش كۈچلۈك بولمىدى، خەلقنىڭ ماددىي مەنپەئىتىگە سەل قارىدى، دەپ تەنقىدلىگەن. كېيىن «ئىتالىيە تارىخىدىكى سىياسىي، ھەربىي ئىشلاردىن مۇھىم نۇقتىلار» دېگەن ماقالىسىدە، ئىتالىيە ئىنقىلابى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ غەلىبىسى تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنى نامراتلىق ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ، دېگەننى تەكىتلەپ كۆرسىتىپ، ئىتالىيە مىللىي بىرلىك ھەرىكىتىنى جەمئىيەتنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك جەمئىيەتنىڭ سىنىپىي ئانتاگونىيىگە بۆلۈنۈپ كېتىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب دەپ قاراپ، يېزا-شەھەرلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە قارىتا ئىجتىمائىي مۈلۈكچىلىكنى يولغا قويۇپ، سانائەت، دېھقانچىلىق ۋە قاتناش ئىشلىرىنى كوللېكتىپلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. خەلق ئىنقىلابى جەريانىدا بۇرژۇئازىيە ۋە چوڭ يەر ئىگىلىرىنى مەھرۇم قىلىش — ئىجتىمائىي باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى، ئىتالىيە دېھقانلىرى ئىنقىلابنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئىدىيىسى گۈللىنىش ھەرىكىتى مەزگىلىدىكى ئىتالىيە سوتسىيالىزم ئىدىيىسى تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ. 1857-يىلى ھەرىكەت پارتىيىسى ئۇيۇشتۇرغان جەنۇبىي ئىتالىيە يۈرۈشىدە قازا تاپقان.

پىكاسو

  • پىكاسو[يەشمىسى:]Pablo Ruizy Picasso،1881 — 1973)ئىسپانىيە رەسسامى، فرانسىيە ھازىرقى زامان رەسسامچىلىقىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى. مالاككادا تۇغۇلغان. ئانىسىنىڭ فامىلىسى بىلەن ئاتالغان. دادىسى رەسىم ئوقۇتقۇچىسى بولغان. بالىلىق دەۋرىدە بارسېلونا خانلىق سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. كېيىن يەنە مادرىد خانلىق سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. رەسىم ئۇسلۇبى جەھەتتە دەسلەپتە كېيىنكى مەزگىلدىكى تەسىراتچىلىققا مەنسۇپ بولغان. 1904—1947-يىللىرى پارىژدا ئولتۇراقلاشقان. كېيىن فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدا تۇرغان. «پارىژچىلار» نىڭ باشلىقى بولغان. 1907-يىلى براكۇ بىلەن بىللە كۇبىزم (Cubism) لىق رەسساملىق ھەرىكىتىنى قوزغاپ، كېيىن ئانالىز كۇبىزملىقى ۋە ئۇنىۋېرسال كۇبىزملىق قاتارلىقلارغا تەرەققىي قىلغان. 1920-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە يەنە ئەنئەنىگە قىزىقىپ، چىنلىقنى تەسۋىرلەشكە بىر قەدەر ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى كلاسسىكىزم دەپ ئاتالغان. 30-يىللاردا يېڭى رېئالىزمغا مايىل بولغان. 1937-يىلى ماي بوياق رەسىم «گوئېرىنكا» نى سىزىپ، فاشىستلارنىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئېچىپ تاشلىغان، بۇ ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى بولۇپ قالغان. 1944-يىلى دۇنيا تىنچلىق يىغىنى ئۈچۈن سىزىپ بەرگەن«تىنچلىق كەپتىرى» تەشۋىقات رەسىمى بىر مەزگىل راسا ئەۋج ئالغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ھەيكەلتىراشلىق ۋە فارفور بۇيۇملارنى ياساش بىلەن شۇغۇللانغان. پارىژدا قازا تاپقان. ئەسەرلىرى ھازىرقى زامان غەرب سەنئەت ئېقىملىرىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. قازا تاپقاندىن كېيىن 1800 پارچىدىن ئارتۇق ماي بوياق رەسىم، 7000 پارچىدىن ئارتۇق ئاددىي تەسۋىر رەسىم، 20 مىڭ پارچە ئويما رەسىم، 1200 دىن ئارتۇق ھەيكەل، 3000 دىن ئارتۇق فار فور بۇيۇم قالدۇرۇپ كەتكەن.

پىكتور

  • پىكتور[يەشمىسى:]Quintus Fabius Pictor، مىلادىدىن ئىلگىرى 255 — ؟) قەدىمكى رىمنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى تارىخشۇناسى. داڭدار ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سېنات ئەزاسى. ياش مەزگىلىدە ئارمىيىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتەپ، ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشىغا قاتناشقان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 216-يىلدىكى كاننې ئۇرۇشىدىن كېيىن، رىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە، يۇنانغا بېرىپ دىپلوماتىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. يۇنان يېزىقىدا يېزىلغان «رىم تارىخى» دېگەن ئەسىرى بولۇپ، كېيىن لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغان، يوقىلىپ كەتكەن. بۇ كىتابتا يىراق قەدىمكى زاماندىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرگىچە بولغان رىم تارىخى خاتىرىلەنگەن. بولۇپمۇ ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشى ھەققىدىكى تەسۋىرلەر بەكمۇ تەپسىلىي يېزىلغان. كېيىنكى تارىخشۇناسلاردىن پوليبىئۇ (Polybius ياكى Polybios)، لىۋى (Titus Livius) قاتارلىقلار بۇ كىتابتىكى ماتېرىياللاردىن نەقىل كەلتۈرگەن. 

پىلاتۇس

  • پىلاتۇس[يەشمىسى:]Pontius Pilatus، Ⅰ ئەسىر) رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى يەھۇدىي ۋە سامارىيە رايونىدا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى (تەخمىنەن مىلادى 26 — 36) ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە يەھۇدىيلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى دەھشەتلىك تۈردە باستۇرغان، شەپقەتسىزلىكتە نامى چىققان. رىۋايەت قىلىنىشىچە قىددىس ئەيسا شۇنىڭ قولىدا ئۆلگەن. خرىستىئان دىنىنىڭ دەستۇرى «ئىنجىل» دا يەھۇدىي دائىرىلىرى ئەيسانى پىلاتۇسقا تۇتۇپ بېرىپ، جىنايەت بېكىتىشنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە پىلاتۇس ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ئەيسانى كرىستقا مىخلاپ قويغان، دېيىلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ سامارىيىلىكلەرنى خورلاپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن پادىشاھ تېبېرۇ ئۇنى رىمغا چاقىرتقاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

پىلسۇدىسكى

  • پىلسۇدىسكى[يەشمىسى:]Jozef Pilsudski، 1867 — 1935) پولشا زۇڭلىسى (1926 — 1928، 1930) فاشىست مۇستەبىت. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا پولشا سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. چار روسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغانلىقتىن، 1887-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان. 1892-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. 1894-يىلى «ئەمگەكچىلەر» گېزىتىنى نەشىر قىلغان. 1900-يىلى يەنە قولغا ئېلىنىپ لوندونغا قېچىپ كەتكەن. ئىككى يىلدىن كېيىن پولشاغا قايتىپ كەلگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا «پولشا جۈنتۇەنى» گە قوماندانلىق قىلىپ، روسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. 1918 — 1920-يىللىرى پولشا دۆلەت «باشلىقى» بولۇپ، جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ سوۋېت روسىيىسىگە قارشى قوراللىق مۇداخىلىسىگە قاتناشقان. 1926-يىلى 5-ئايدا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، فاشىستىك مۇستەبىتلىكنى ئورناتقان. 1926 — 1935-يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1934-يىلى گىتلېر بىلەن«گېرمانىيە-پولشا بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. 1935-يىلى دېموكراتىيىگە قارشى ئاساسىي قانۇننى تۈزۈپ چىققان ۋە يولغا قويغان.

پىللوت

  • پىللوت[يەشمىسى:]Jean Jack Pillot،1808 — 1877) فرانسىيىلىك خىيالىي كوممۇنىزمچى. بابېفىزمنىڭ مۇرىتى. ئەسلىدە پوپ بولۇپ، كېيىن كاتولىك دىنىدىن ئادا-جۇدا بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، «خەلق مۇنبىرى گېزىتى» گە ماقالە يازغان. 1840-يىلى بېرۋىر تۇنجى قېتىملىق كوممۇنىزمچىلار زىياپىتىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان. 1851-يىلى لۇئى بوناپارت سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن فرانسىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1870-يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن كېيىن يەنە فرانسىيە ئىنقىلابىي ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1871-يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنى پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلانغان بولۇپ، كۆپ سانلىقلارغا تەۋە بولغان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆمۈرلۈك ئېغىر ئەمگەككە ھۆكۈم قىلىنىپ، تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ، مۇتلەق باراۋەرلىك ئىنسانلار تىرىكچىلىكىنىڭ بىردىنبىر يولى. ھالبۇكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك باراۋەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى، دەپ ھېسابلىغان ھەمدە ئىجتىمائىي ئۆزگەرتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مىسلىسىز دەھشەتلىك كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، دەپ تونۇغان. ئۇنىڭ «كەپىمۇ يوق، سارايمۇ يوق»، «كوممۇنىزم ئەمدى خىيال ئەمەس» دېگەن ئاساسلىق ئەسەرلىرى بار.

پىللىنتىس خىتابنامىسى

  • پىللىنتىس خىتابنامىسى[يەشمىسى:]پرۇسسىيە-ئاۋسترىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت كورۇللىرىنىڭ فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا قوراللىق ئارىلىشىش ھەققىدە ئېلان قىلغان خىتابنامىسى. 1791-يىل 8-ئاينىڭ 25 — 27-كۈنلىرى، ئاۋسترىيە ئىمپېراتورى لېئوپولدⅡ بىلەن پرۇسسىيە كورۇلى فرېدىرىخ گىيۇللۇمېيⅡ ۋە قاچقۇن ئاقسۆڭەك گراف ئاتوۋلار پرۇسسىيىنىڭ پىللىنتىس (Pillnitz) قورغىنىدا كېڭىشىپ ئېلان قىلغان، ئۇنىڭغا فرانسىيە كورۇلىنىڭ تەختىگە كاپالەتلىك قىلىش، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش، ئېلىزاس ئىشغالىيەت زېمىنىدا گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى كىنەز-ماركىزلىرىنىڭ فېئوداللىق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان، ئەگەر بۇ تەلەپ رەت قىلىنىدىكەن، ياۋروپادىكى باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ فرانسىيىگە ئۇرۇش قىلىش تەكىتلەنگەن. خىتابنامە ياۋروپا ئەللىرى ئەكسىيەتچىل كۈچلىرىنىڭ ئاشكارا ھالدا فرانسىيە ئىنقىلابىغا قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشىدىكى سىگنالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىندار

  • پىندار[يەشمىسى:]Pindaros ياكى Pindarus ۋە ياكى Pindar، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 522 — 442) قەدىمكى گرېتسىيە لىرىك شائىرى، بوئېئوتىيانىڭ مەركىزىي شەھىرى تېبىستا ياكى شۇنىڭغا يېقىن جايدىكى گىنوسسېپخالا (Cynoscephalae) دېگەن يەردە تۇغۇلغان. ئۇ ئاقسۆڭەك شۇنىڭدەك مۇزىكىغا ھەۋەس قىلىدىغان ئېسىلزادىلەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، كىچىكىدە ئاھاڭ مەشقى قىلغان. كېيىن ئافىناغا ئوقۇشقا بېرىپ، لاسۇس (Lasus) تا شېئىرىيەتنى ئۆگەنگەن. 20 ياشتىلا تالانتى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بوئېئوتىيالىق شائىرە گورىننا (Gorinna) بىلەن مۇشائىرلىق قىلىشىپ ئۇدا يېڭىلىپ قالغاچقا تېخىمۇ تىرىشىپ، ئاخىرىدا مەشھۇر شائىرغا ئايلانغانىكەن؛ «ئاق پەيلىك ئاققۇ»دېگەن نامغا ئېرىشىپ، گرېتسىيە جەمئىيىتىدە كەڭ دائىرىدە شۆھرەتكە ئىگە بولغانىكەن. مىلادىدىن 476 — 472 يىل ئىلگىرىكى يىللىرى سىتسىلىيە ئارىلىدىكى سىراكۇزى ئوردىسىدا تۇرغان بولۇپ، خىرون Ⅰ نىڭ ئىززەتلىشىگە نائىل بولغان. ئۇ مەدھىيە خورى (قەدىمكى گرېتسىيىدە لىرىك شېئىرلارنى مۇزىكىغا سېلىپ ناخشا قىلىپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ) يېزىش بىلەن داڭق چىقارغان، بولۇپمۇ ئولىمپىيە بايرىمى (زىۋىسقا تېۋىنىش)، پىتىئاڭ بايرىمى (ئاپوللونغا تېۋىنىش) قاتارلىقلارغا ئاتاپ يازغان ئىلاھلار مەدھىيىسى ۋە ماھارەت كۆرسىتىشتە غالىب كەلگۈچىلەرنى مەدھىيىلەش شېئىرلىرىنىڭ تىلى پاساھەتلىك، تۇرغۇ-ۋەزىنلىرى مۇكەممەل بولۇپ، مول تەسەۋۋۇرغا ۋە ئوخشىتىشقا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دەسلەپكى مەزگىللەردىكى گرېتسىيىنىڭ جۇشقۇن، جەسۇرانە روھىمۇ نامايان قىلىنغان. بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەسەرلىرى 40 پارچىدىن ئوشۇق بولۇپ، بەزى كەمتۈك جايلىرى كېيىن تېپىلغان ئەسەرلىرى بىلەن تولۇقلانغان. ماكېدونىيىدىكى ئالېكساندر (ئىمپېراتور)تېبىس مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى باستۇرغان ۋاقىتتا (مىلادىدىن 336 يىل ئىلگىرى)، تېبىس ئۈزۈل-كېسىل ۋەيران قىلىنغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا پەقەت ئىلاھىي ئىبادەتخانا بىلەن پېندارنىڭ ئۆيىلا مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان (ئالېكساندر كىچىك ۋاقىتلىرىدا پېندارنىڭ شېئىرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغانىكەن). پېندار ئۇسلۇبى كېيىنكى ئەسىرلەردە ياۋروپا ئەدەبىياتىدىكى بىرخىل مەدھىيە ژانىرىغا ئايلانغان.

پىنىيا دۆلىتى

  • پىنىيا دۆلىتى[يەشمىسى:] ⅩⅣ ئەسىردە شەنزۇ مىللىتى بىرمىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قۇرغان فېئوداللىق كىچىك دۆلەت. 1287-يىلى پاگان سۇلالىسى ھالاك بولغاندىن كېيىن، بىرما شەنزۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان. 1312-يىلى شەنزۇلارنىڭ باشلىقى تىخاتۇ (Thihathu) پىنىيا شەھىرى (Pinya، ھازىرقى ئاۋانىڭ جەنۇبىدا) نى قۇرۇپ چىقىپ، ئۆزىنى خان قىلىپ تىكلىگەن. 1364-يىلى بەشىنچى ئەۋلاد ھۆكۈمران ناراتۇ (Narathu،1359 — 1364) شەرقىي شىمالدىكى مۇشەنزۇنى قوشنىسى ساگا (Sagaing) نى ئىشغال قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. لېكىن ئۇ پىنىيانىمۇ ئىشغال قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي مۇشەنزۇ قايتىپ كېتىپ، ساگانىڭ پادىشاھ جەمەتى تادومىنبيا (Thadominbya) ساگا دۆلىتى بىلەن پىنىيا دۆلىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاۋا سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىققان.

پىئوسⅨ

  • پىئوسⅨ[يەشمىسى:]PiusⅨ،1792— 1878) رىم پاپاسى (1846 — 1878). ئەسلى ئىسمى ماسىتاي فېررىت (Masta Farretti). ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان.1830— 1832-يىللىرى يەرلىك ئېپىسكوپ بولغان. 1846-يىلى 6-ئايدا پاپا بولۇپ سايلانغان، لىبېرالىزملىق سىياسەتنى يولغا قويغان، سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش، سۈرگۈن قىلىنغان ئىلىم-پەن كېڭەشمىسىنىڭ ئەزالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش قاتارلىق بەزى مۆتىدىل ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. 1848-يىلى 2-ئايدا، ئىنقىلاب ۋەزىيىتىنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلغان ھەمدە قوشۇن ئەۋەتىپ ئاۋسترىيىگە قارشى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان، بىراق تۇراقسىزلىق قىلغان. 11-ئايدا رىم خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتى ئۆرلىگەندە نىقابلىنىپ نېئاپولغا قېچىپ بېرىپ، ئىككى سىتسىلىيە كورۇلىنىڭ قوغداپ قېلىشىنى تەلەپ قىلغان. 50-يىللىرى لىبېرالىزملىق سىياسەتتىن ۋاز كېچىپ، فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ، جېنىنىڭ بارىچە ئىتالىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن. 1870-يىلى ئىتالىيە قوشۇنلىرى رىمنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ۋاتىكانغا چېكىنىپ ئۆزىنى «ۋاتىكان مەھبۇسى»دەپ ئاتىۋېلىپ، ئىتالىيە كورۇللۇقىنىڭ دىنغا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل قانۇن-پەرمانلىرىغا قارشى چىققان ھەمدە كاتولىك دىنى مۇرىتلىرىنىڭ پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشىنى مەنئى قىلغان.

پىۋىخانا توپىلىڭى

  • پىۋىخانا توپىلىڭى[يەشمىسى:] 1923-يىلى گىتلېر ميۇنخېندا قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىش. 1923-يىلى فرانسىيە، بېلگىيە قوشۇنلىرى رۇرنى ئىشغال قىلىپ گېرمانىيىدە ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كرىزىس كېلىپ چىققان. 11-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، مىلىتارىست لۇدېندورفنىڭ قوللىشى بىلەن، گىتلېر قوراللىق ناتسىستلارنى باشلاپ، ميۇنخېندىكى بىر پىۋىخانىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇ يەردىكى يىغىلىشقا قاتنىشىۋاتقان يەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، باۋارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە پۈتۈن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنى، مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت سىياسىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىشىنى گىتلېر ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەتىسى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغۇچىلار نامايىش قىلغاندا، ساقچىلار تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن. لۇدېندورف بىلەن گىتلېر كەينى-كەينىدىن قولغا ئېلىنغان.

پېمونتې

  • پېمونتې[يەشمىسى:]Piemonte) ئىتالىيىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى بىر تارىخىي رايون. بۈگۈنكى كۈندە فرانسىيە ۋە شۋېتسارىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. قەدىمكى زاماندىكى ئاھالىسى ئاساسەن كېلتلار (Celtae) ۋە لىگورېس (Ligures) لار. كېيىن رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. مىلادى Ⅴ ئەسىردە شەرقىي گوتلار ۋە بۇرگۇندلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە قارىغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا لومباردىلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا فرانك پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.Ⅺ ئەسىردە كۆپ قىسىم زېمىنى گراف ساۋوييەنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. ئىتالىيە ئۇرۇشى مەزگىلى (1494 — 1559) دە فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە ئارمىيىسىنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرىغان. 1720-يىلى ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. 1861-يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن.

پىياست سۇلالىسى

  • پىياست سۇلالىسى[يەشمىسى:] پولەكلەرنىڭ تۇنجى فېئوداللىق سۇلالىسى (1025 — 1079، 1295 — 1370). تەكتىنى سۈرۈشتە قىلغاندا پولەك قەبىلىسى داھىيسى پىياست (Piast) قا بېرىپ تاقالغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. پولەكلەردىن يازما تارىخى بولغان تۇنجى كىنەز مىئېسكو Ⅰ(MieszkoⅠ) تەختتىكى مەزگىلدە (تەخمىنەن 960 — 992) پولشانىڭ كەڭ زېمىنىنى ئاساسەن بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ ئوغلى بولېسلاۋ Ⅰ(BoleslawⅠ) (باتۇر) 1025-يىلى تاج كىيىپ، ئۆزىنى كورۇل دەپ ئاتاپ، پولشا پادىشاھلىقىنى قۇرغان. كېيىن پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقى 200 نەچچە يىل ئۈزۈلۈپ قالغان. كازىمىئېرⅢ (KazimierzⅢ) (بۈيۈك) ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىنى باسىدىغان ئادەم بولماي قېلىپ، سۇلالە ئاخىرلاشقان.

پياۋجىيۈەن

  • پياۋجىيۈەن[يەشمىسى:]1737 — 1805) چاۋشيەن يى سۇلالىسىنىڭ ئەمەلىي بىلىم تەرەپدارلىرىدىن بولغان ئالىم، يازغۇچى. تەخەللۇسى جۇڭمېي، ئىسمى يەنيەن. سېئۇلدا تۇغۇلغان. خۇڭ دارۇڭدىن غەربنىڭ ھازىرقى زامان-پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن. 1777-يىلى زالىم ۋەزىر خوڭ گورۇڭ قاتارلىقلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سېرىق دېڭىزنىڭ داۋجىنچۇەن دېگەن يېرىدىكى يەنيەن تېغىنى ماكان تۇتۇپ، ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئىشلارنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان. 1780-يىلى پياۋمىڭيۇەن بىلەن بىللە جۇڭگوغا ئەلچىلىككە كېلىپ، جۇڭگو ئالىملىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچراشقان ۋە ئىلىم-پەننى مۇھاكىمە قىلىشقان. چاۋشيەنگە قايتقاندىن كېيىن «رېخې خاتىرىلىرى»دېگەن كىتابنى يېزىپ، جۇڭگونىڭ «خەلق تۇرمۇشىنى يېتەرلىك تەمىنلەشتىن پايدىلىنىش» ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، شۇ چاغدىكى ئىدىيە ساھەسىدىكىلەرگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. كېيىن ميەنچۇەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ۋە كاڭۋون-دو شياڭياڭ مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى بولغان. 65 يېشىدا ئىستېپا بەرگەن. ئۇنىڭ «يەنيەن توپلىمى»، «دېھقانچىلىقھەققىدەكۆچۈرمىلەر»، «توپلامغا كىرگۈزۈلمىگەن خاتىرىلەر»، «يەنيەن تاللانمىلىرى» دېگەن ئەسەرلىرى بار. يەنە «ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تەرجىمىھالى»، «ھۆركىرەش»، «شۈيشېڭنىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىق ئون ھېكايىسى بولۇپ، ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسىنىڭ چىرىك، چۈشكۈن تۇرمۇشىنى قاتتىق سۆككەن. 

پياۋشەنيوڭ

  • پياۋشەنيوڭ[يەشمىسى:]1900 — 1955) چاۋشيەننىڭ چۇڭچوڭ-نامدو دېگەن يېرىدىن، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن باشلاپلا ياپونغا قارشى كۈرەشكە ئاكتىپ قاتناشقان. 1919-يىلى بىرىنچى مارت ھەرىكىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ شاڭخەي شەھىرىگە قېچىپ كەلگەن. 1923-يىلى موسكۋا يىراق شەرق مىللەتلىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىش سەپىرىدە قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، 1925-يىلى «كورىيە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى»نى تەشكىللەپ، مەسئۇل كاتىپ بولغان. شۇ يىلى يەنە بىر قېتىم تۈرمىگە ئېلىنغان. كېپىلگە بېرىلگەندىن كېيىن، 1931-يىلى شاڭخەيگە كېلىپ، چاۋشيەن كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قايتا قۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1933-يىلى قولغا ئېلىنىپ، 1939-يىلى تۈرمىدىن چىققان. كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ، بىناكارلىق ئىشچىسى نامى بىلەن، ياپونغا قارشى يەر ئاستى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1945-يىلى ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، دەرھال چاۋشيەن كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتكەن. شۇ يىلى 9-ئايدا پارتىيىنىڭ مەسئۇل كاتىپى بولغان. 1946-يىلى چاۋشيەن دېموكراتىك مىللىي سېپىنى تەشكىللىگەن. شۇ يىلى 10-ئايدا تائېگۇ خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى ئۇنى تۇتماقچى بولغانلىقتىن، چاۋشيەننىڭ شىمالىي قىسمىغا قېچىپ كېلىۋالغان. 1948-يىلى چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا، مۇئاۋىن باش ۋەزىر، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1949-يىلى جەنۇبىي-شىمالىي چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيىلىرى قوشۇلۇپ، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيىسى بولغاندا، پارتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1950-يىلى چاۋشيەن ۋەتەن ئازادلىق ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە خەلق ئارمىيىسى باش سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان.1952-يىلى ئامېرىكا جاسۇسى دەپ پاش قىلىنىپ، 1953-يىلى پارتىيىدىن چىقىرىلغان، 1955-يىل 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن.

پياۋيوڭشياۋ

  • پياۋيوڭشياۋ[يەشمىسى:]1861 — 1939) چاۋشيەن يى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ياپونپەرەس سىياسەتۋاز. تەخەللۇسى زىچۈن، ئىسمى خۇيۈەن، كيوڭگى دونىڭ شۈييۈەن دېگەن يېرىدىن. 13 ياش ۋاقتىدا كوراگانلىققا تاللانغان، جىنلىڭ بېگى مەرتىۋىسى بېرىلگەن. 1882-يىلدىكى «رېنۋۇ يىلى ھەربىي ئۆزگىرىشى»دىن كېيىن، ئەلچى سۈپىتىدە، جىن يۈجۈن، شۈي گۇاڭفەن قاتارلىقلار بىلەن بىللە ياپونىيىگە بېرىپ، ياپونىيە سىياسەتۋازلىرى بىلەن ئالاقە قىلغان، ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇستەقىللىك پارتىيىسى (مەرىپەتچىلەر پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نىڭ مەركىزىي شەخسلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپلار بىلەن قارشىلاشقان. 1884-يىلى جياشېن يىلى سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغاشقا قاتناشقان، كېيىن يېڭى ھۆكۈمەت مۇھاپىزەتچى قوشۇنىنىڭ ئالدى-كېيىن بارگاھ قىسىملىرى سەركەردىسى ۋە قوشۇمچە سول قول تۇتقاۋۇل بولغان. مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ياپونىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1885-يىلى يەنە ئامېرىكىغا بارغان. ئۇزاق ئۆتمەي يەنە ياپونىيىگە بېرىپ، ياپونىيە مىلىتارىستلىرىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان. 1894-يىلى جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ياپونىيىدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن، جىن خوڭجى كابىنېتىنى چەتكە قېقىپ، ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىدىكى چېكىدىن ئاشقان ياپونپەرەس پياۋدېڭياڭ كابىنېتىنى تەشكىللىگەن. شۇ يىلى جياۋۇ يېڭىلىققا كۆچۈشى مەلۇم دەرىجىدە ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 1895-يىلى ئاسىيلىق قىلىش سۇيىقەستى ۋەقەسى سەۋەبى بىلەن، يەنە بىر قېتىم ياپونىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1907-يىلى ئىئوخروبۇمىنىڭ سالا قىلىشى بىلەن چاۋشيەنگە قايتىپ كېلىپ، ياپونىيىنىڭ «ھامىيلىق سىياسىتى»نى يۈرگۈزۈشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەملىشىپ، ئوردا ۋەزىرى بولغان، كېيىن پادىشاھنى تەختنى بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇرلاش مەسىلىسىدە، لى ۋەنيۇڭ، سوڭ بىڭجۈن قاتارلىقلار بىلەن كېلىشەلمىگەنلىكتىن گۇناھقا تارتىلىپ، بىر يىل چېجۇ ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. ياپونىيە چاۋشيەننى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، مەركىزىي پالاتانىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن.

پيا ئىتتىپاقى

  • پيا ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] «باسا-باس ئىتتىپاقى»غا قاراڭ.

پيرروس

  • پيرروس[يەشمىسى:]Pyrrhos، مىلادىدىن ئىلگىرى 319 — 272) قەدىمكى يۇنان ئېپىر پادىشاھى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 307 — 303، مىلادىدىن ئىلگىرى 297—272). كىچىكىدە ئالېكساندر (بۈيۈك ئىمپېراتور)غا چوقۇنغان. باتۇر، لېكىن قارا نىيەت ئىدى. ئۇ 12 يېشىدا تەختكە ئولتۇرغان، بىرمەھەل ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن قوغلىۋېتىلگەن. ئاچىسىنىڭ ئېرى دېمېترى بىلەن كىچىك ئاسىياغا كېلىپ، ئىپسوس ئۇرۇشى (مىلادىدىن 301 يىل ئىلگىرى)غا قاتناشقان. ئايلىنىپ يۈرۈپ، مىسىرغا بېرىپ، كوراگان بولغان، پتولېمىي پادىشاھلىقىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئېپىرغا قايتىپ كېلىپ، تەختنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدا زور ئىمپېرىيە قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىدە، ئالدى بىلەن ماكېدونىيە (كاسساندروسنىڭ ھۆكۈمرانلىقى)نىڭ بىرقىسىم زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن دېمېترى ماكېدونىيىدە ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلغان. پىيرروس پتولېمىي Ⅰ ۋە لىيسىماكوس قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ جازا يۈرۈشى قىلىپ، ماكېدونىيىنىڭ يەنە بىر قىسىم زېمىنىنى بۆلۈۋېلىپ، كۈچ-قۇدرىتى ئاشقان. يۇنان مۇستەملىكە شەھىرى تارېنتومنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىشىدىن پايدىلىنىپ، مىلادىدىن 280 يىل ئىلگىرى 20 مىڭ پىيادە ئەسكەر، ئۈچ مىڭ ئاتلىق ئەسكەر ۋە يىگىرمە ئۇرۇش پىلىنى باشلاپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ ئىتالىيىگە كىرگەن.دەسلەپتە ھېراكلېيە (Heraclea) ئەتراپىدا رىم ئىمپېراتورى ۋالېرىئوس (Valerius Laevinus) بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، غەلىبە قىلغان، لېكىن كۆپلىگەن جانلىق كۈچىدىن مەھرۇم بولغان (كېيىنكىلەر ناھايىتى زور زىيان تارتىپ قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىنى «پىيرروسچە غەلىبە»دەپ ئاتاشقان). ئىككىنچى يىلى ئاسكولۇم ئەتراپىدا رىمنى يەنە مەغلۇپ قىلىپ، رىم سىناتىغا كېلىشىش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشمىغان. مىلادىدىن 278 يىل ئىلگىرى سىرا ئۆزىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، سىتسىلىيىگە بېرىپ، كارفاگېن بىلەن ئۇرۇش قىلغان. يۇنان مۇستەملىكە شەھەرلىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن غەلىبە قىلغان. لېلېبا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، مەغلۇپ بولغاندا، ھەرقايسى شەھەرلەر ئارقا-ئارقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەن، ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۈچ يىل ئۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجە قازىنالمىغان. مىلادىدىن 276 يىل ئىلگىرى كۈزدە ئىتالىيىگە بارغان، ئىككىنچى يىلى رىم ئىمپېراتورى دېنتاتۇس(Manius Curius Dentatus، مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅲ ئەسىر) بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، بېنېۋېنتۇم (Beneventum) دا مەغلۇپ بولۇپ، رەسۋاسى چىقىپ دۆلىتىگە قايتقان، كېيىن جەنۇبىي يۇنانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئارگوس (Argos) تا ئۇرۇشتا ئۆلگەن.

پيدنا جېڭى

  • پيدنا جېڭى[يەشمىسى:] قەدىمكى رىمنىڭ ماكېدونىيە پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭ. ئىككىنچى قېتىملىق ماكېدونىيە ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرى 200 — 197) دىن كېيىن، رىم بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا باشلىغان. ماكېدونىيە مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمىگەن، ئىمپېراتور پېرسېئوس (Perseus، پىلىپپوس Ⅴ نىڭ ئوغلى) رىمغا قارشى ئىتتىپاق ئۇيۇشتۇرغان. مىلادىدىن 171 يىل ئىلگىرى رىم سىناتى ماكېدونىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان. بۇ ئۈچىنچى قېتىملىق ماكېدونىيە ئۇرۇشى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇرۇش ئۈچ يىل داۋاملاشقان. مىلادىدىن 168 يىل ئىلگىرى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، ماكېدونىيىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى پيدنا(Pydna)دېگەن جايدا بولغان ھەل قىلغۇچ جەڭدە، پېرسېئوس رىم ئىمپېراتورى پائۇلۇس (Lucius Aemilius Paulus، مىلادىدىن ئىلگىرى 229 — 160) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، سامونداكى ئارىلى (ئېگېي دېڭىزىنىڭ شىمالى)غا قېچىپ كېلىپ، ئارالدا تەسلىم بولۇپ، ئەسىرگە چۈشكەن (كېيىن رىم تۈرمىسىدە ئۆلگەن)، نەتىجىدە، ماكېدونىيە تۆت رايونغا بۆلۈۋېتىلگەن، ئەمەلىيەتتە بولسا، رىمنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان.

پيورلخاربور پورتى ۋەقەسى

  • پيورلخاربور پورتى ۋەقەسى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە بازىسى پيورل خاربور پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان ۋەقە. ياپونىيە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشتىن پەيدا بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە كۈچلىرىگە زەربە بېرىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى تەبىئىي بايلىقنى تالان-تاراج قىلىش ۋە شەرقىي ئاسىيادىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش قوزغىغان. 1941-يىل 12-ئاينىڭ 7-كۈنى (يەكشەنبە) ئەتىگەن سائەت 7 دىن 55 مىنۇت (يەرلىك ۋاقىت) ئۆتكەندە، ياپونىيىنىڭ گېنېرالى ناندۇن قوماندانلىقىدىكى ئالاھىدە دېڭىز فلوتى دەسلەپتە 183 ئايروپىلاننى ئەۋەتىپ گاۋاي تاقىم ئاراللىرىدىكى پيورل خاربور پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. 8 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە يەنە 171 ئايروپىلان ئەۋەتىپ پيورل خاربور پورتىدىكى ئامېرىكا تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ باشقا ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلغان. ئامېرىكا ئارمىيىسى تەييارلىقسىز تۇرغانلىقتىن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان: سەككىز ئۇرۇش پاراخوتى، ئوكيان چارلاش پاراخوتى، ياردەمچى پاراخوتتىن ئون نەچچىسى چۆكتۈرۈۋېتىلگەن ۋە زەخىملەندۈرۈلگەن، 188 ئايروپىلان پاچاقلاپ تاشلانغان، ئامېرىكىنىڭ 2280 ئادىمى ئۆلگەن، 1109 ئادىمى يارىدار بولغان؛ 68 نەپەر پۇقرا بومباردىماندا ئۆلگەن. ئىككىنچى كۈنى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان، گېرمانىيە، ئىتالىيە ئامېرىكىغا قارشى رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلغان. تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغان.

پيۇ دۆلىتى

  • پيۇ دۆلىتى[يەشمىسى:] قەدىمكى زاماندا پيۇ (Pyu) مىللىتىنىڭ بىرمىنىڭ ئىراۋادى دەرياسى ۋادىسىدا قۇرغان دۆلەت. پايتەختى پرومې (Prome)، پرومې پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پرومېنىڭ سانسكرىتچە نامى سىرىكسېترا (Criksetra)، شۇڭا سىرىكسېترا دۆلىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ دۆلەت مىلادى Ⅳ ئەسىردە جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابىغا يېزىلغان. ئارخېئولوگىيە ماتېرىياللىرى Ⅷ — Ⅶ ئەسىرلەردە ۋىكراما (Vikrama) پادىشاھلىقىنىڭ پرومېغا ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. Ⅷ ئەسىردە دۆلەتنىڭ كۈچى قۇدرەت تاپقان. ئۇنىڭ زېمىنى ئىراۋادى دەريا ۋادىسىنى تامامەن دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالغان. جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا يېزىلىشىچە، تەۋەسىدە 18 بېقىندى دۆلەت ۋە توققۇز شەھەر-بازار بولغان. ئىگىلىكى راۋاج تاپقان. مېتال پۇلمۇ مەيدانغا كەلگەن. ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، بۇددا دىنى راۋاج تاپقان. ئىبادەتخانىلار يۈزدىن ئاشقان. جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق. 802-يىلى (تاڭ سۇلالىسى جىڭيۇەننىڭ 18-يىلى) پادىشاھ يۇڭچاڭ شاھزادە شۇنەنتونى مۇزىكا ئەترىتى ۋە ئۇسسۇلچىلارنى باشلاپ جۇڭگوغا ئەۋەتكەن. تاڭ سۇلالىسىدىكى شائىر بەي جۈيى «پيۇ كۈيى»نى يېزىپ بەرگەن. 832-يىلى نەنجاۋلار پايتەختنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ھالاك بولغان. كېيىن خەلق جەنۇبتىكى پۇگەنگە قېچىپ كەتكەن. پيۇلار تەدرىجىي بىرمىلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن.

پيۇتر

  • پيۇتر[يەشمىسى:]؟ — 969) بۇلغارىيە كورۇلى (927 — 969). كورۇل سىميوننىڭ ئوغلى. تەختتىكى مەزگىللەردە چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچى ئۇلغىيىپ، پادىشاھلىق ھوقۇق زاۋاللىققا يۈز تۇتقان. ماكېدونىيە بۇلغارىيە پادىشاھلىقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان؛ فېئودالىزمغا قارشى بوگۇمىلچىلار يامراپ كەتكەن. مىلادى 969-يىلى ساموئىل باشچىلىقىدىكى غەربىي بۇلغارىيە ئاقسۆڭەكلىرى غەربىي بۇلغارىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان.