ھ🔗

ھ

ھاپىز شىرازى

ھاراسۇ

ھارۇن رەشىد

ھارې-ھاۋىس-كۇتتىڭ قانۇنى

ھازىرقى زامان

ھاسان

ھافور پروگراممىسى

ھاكىمⅡ

ھاكىم

ھاكىمدار

ھاكىملىق ھۆكۈمەت

ھاكىمىيەتنى قايتۇرۇپ بېرىش

ھاللېي

ھامباخ قۇرۇلتىيى

ھامبۇرگ قوزغىلىڭى

ھامپتون دىنىي يىغىنى

ھامسۇم

ھامىلتون

ھامىيلار

ھامىيلىق تۈزۈمى

ھانزا ئىتتىپاقى

ھانزېمان

ھانسېن

ھانگو جېڭى

ھاننوۋېر

ھاننوۋېر خاندانلىقى

ھانوتۇ

ھانىس بوھېيم

ھاۋانا ئەھدىنامىسى

ھاۋانا خىتابنامىسى

ھائېكېل

ھايادې لاتۇردې

ھاياما يۇشىكى

ھاي-پونسېفوتى شەرتنامىسى

ھايۋود

ھايىندمان

ھايېس

ھەبەشىستان ئۇرۇشى

ھەججاج

ھەدە-سىڭىللارنى بىر ئەرگە نىكاھلاش

ھەدىس

ھەدىس

ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى

ھەربىي رايون تۈزۈمى

ھەربىي كاپالەت

ھەربىي لازىمەتلىك رەخت

ھەربىيلەر پارتىيىسى

ھەربىيلەر ئىتتىپاقى

ھەرقايسى ئەللەر پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى

ھەرىكەت پارتىيىسى

ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقى

ھەققانىي نىزام

ھەقىقىي تەڭ تەقسىماتچىلار

ھەقىقىي سوتسىيالىزم

ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى

ھەمكارلىق

ھەيدەر ئەلى

ھەيدەرخان

ھرانوكونىئومى

ھروزنىي

ھوتوندۇ ئىتتىپاقى

ھوجوتوكىمۇنې

ھوجوسوئۇن

ھوجو جەمەتى

ھورنىك

ھورۇن كورۇل

ھوسسىباخ مېموراندۇمى

ھوقۇق بېرىش قانۇنى

ھوقۇق قانۇن لايىھىسى

ھولباخ

ھولبېرگ

ھولمېس

ھولىنىشېد

ھومېر

ھوۋېللىس

ھۇشبېرگ

ھۇمايۇن

ھومبولد

ھۇن ئىمپېرىيىسى

ھۇنيادى

ھۇيدوبرو

ھۆپىگەرلەر

ھۆكۈمەتسىزلىك

ھۈدەيبىيە سۈلھسى

ھۈسەيىن خاندانلىقى

ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى

ھېبېرت

ھېبېرتچىلار

ھېپىستوس

ھېتىرىيە

ھېتت قانۇنى

ھېرا

ھېرا كلېئوپولىس

ھېراكلىت

ھېراكلىئۇس

ھېرتسېگوۋىنا قوزغىلىڭى

ھېررېرارېسسىگ

ھېرودوت

ھېردېر

ھېركۇلانو

ھېركۇلانېئۇم

ھېرلېي

ھېرمان

ھېرمېس

ھېرناندېز

ھېرېدىيە

ھېرېرولار قوزغىلىڭى

ھېسسې

ھېس ۋەقەسى

ھېسىئودۇس

ھېكاتائېس

ھېكتور

ھېكىسلېي

ھېللاس

ھېلگوللاند شەرتنامىسى

ھېللېسپون

ھېلوتلار

ھېلۋېتىئوس

ھېلېن

ھېمىڭۋاي

ھېنرىخⅠ (ئوۋچى)

ھېنرىخⅢ

ھېنرىخⅣ

ھېنرىخⅤ

ھېنرىخⅥ

ھېنرىخⅦ

ھېنرىخ مان

ھېنرىي

ھېنرىيⅡ

ھېنرىيⅧ

ھېنرىي گېس

ھېنرىي گېئورگې

ھېنرىي لاۋسون

ھېينزېن جۇمھۇرىيىتى

ھېيدىن

ھېيسېنبېرگ

ھېيلبرون پروگراممىسى

ھېيمانېس

ھېينې

ھىپپاركوس

ھىپپو

ھىپپوكرات

ھىپلېر

ھىپىئاس

ھىتت

ھىجرەت

ھىجرىيە كالېندارى

ھىدالگو

ھىدې

ھىدىب

ھىكىس

ھىكسوسلار

ھىلال ئاي مۇنبەت يەر

ھىلدېبىراند

ھىلدېبراند ناخشىسى

ھىلدرېس

ھىلفېردىڭ

ھىلكۋىت

ھىلمان

ھىنايانا (كىچىك كۆلەڭگۈ)

ھىندۇ

ھىندۇنېزىيە ئاۋغۇست ئىنقىلابى

ھىندۇنېزىيە مىللىي قوزغىلىڭى

ھىندېرسون

ھىندېمىت

ھىندېنبۇرگ

ھىندېنبۇرگ مۇداپىئە لىنىيىسى

ھىندى-ئارىيانلار

ھىندىچىنى ئۇرۇشى

ھىندىچىنى ئىتتىپاقى

ھىندى دىنى چوڭ سەدىقە قۇرۇلتىيى

ھىندى دىنى

ھىندى دىنى قۇرۇلتىيى

ھىندىستان ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى

ھىندىستان بىلەن بىرمىنى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش

ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش

ھىندىستان-پاكىستان ئۇرۇشى

ھىندىستان خاتىرىلىرى

ھىندىستاندىكى 1946-يىلىدىكى دېڭىز ئارمىيە قوزغىلىڭى

ھىندىستان يەرلىك شتاتلىرى

ھىندىستانلىقلار ئۇيۇشمىسى

ھىندىستان مۇستەقىللىك ئىتتىپاقى

ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى

ھىندىستان مىللىي قوزغىلىڭى

ھىندىستاننى ئىدارە قىلىشنى ياخشىلاش قانۇنى

ھىندىيە

ھىيدېلبېرگىنتال

ئىزاھى

ھاپىز شىرازى

  • ھاپىز شىرازى[يەشمىسى:]Shamsal din Hafiz، 1300 — 1389) پېرسىيىلىك شائىر، ئىسپاھاندا تۇغۇلغان. كېيىن شىرازغا كۆچۈپ كەتكەن. ئىلگىرى نامراتچىلىقتا ئۆتكەن. لېكىن ئەقىللىق ئادەم بولغان. «ھاپىز» نىڭ مەنىسى «قۇرئان» نى پىششىق يادقا بىلىدىغان «ئادەم» دېگەنلىك. پارس تىلىدا ئەسەر يازغان، 500 كۇپلېتتىن ئوشۇق لىرىكىلىق شېئىرى بولۇپ، مۇھەببەت ۋە شېرىن مەي-شارابنى مەدھىيىلەپ، زاھىدلىققا قارشى تۇرۇپ، ھۆكۈمران سىنىپ ۋە راھىبلارنىڭ شەپقەتسىزلىكى، ساختىلىقىنى پاش قىلغان. شېئىردىكى ھېسسىيات ساپ، سەمىمىي، يارقىن، تىلى ئاددىي ۋە پاساھەتلىك بولۇپ، ئىپادىلەش كۈچىگە باي. شۇڭا ھاپىزشىرازىنىڭ شېئىرلىرى پارس كلاسسىك لىرىكىلىق شېئىرلىرىنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارالغان.

ھاراسۇ

  • ھاراسۇ[يەشمىسى:]» ياپونىيە ئەلنەغمىلىرىنىڭ بىر تۈرى. شىماچىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بەزى مەدداھلار شاھزادە تامىنا موتوشى بىلەن ھاراسۇ خېنىمنىڭ ئىشقى-مۇھەببىتى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئېيتىپ يۈرگەنلىكتىن شۇ نام بېرىلگەن. فومىرو، ئايۇناگا يىللىرى (1592 — 1614) ئەما مەدداھ ئوكاسمۇ چارتارنىڭ ئورنىدا سېھتارنى تەڭكەش قىلغان ھەمدە قورچاق ئويۇنى ئارتىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياغاچ قونچاق ھاراسۇنى ئىجاد قىلغان. ئۇنىڭ ئاھاڭى ياپون تىياتىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان.

ھارۇن رەشىد

  • ھارۇن رەشىد[يەشمىسى:]» (Hārūn al Rashīd، 763 — 809-يىللىرى) ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئابباسىيلار خاندانلىقىنىڭ خەلىپىسى (786 — 809). شاھزادە مەزگىلىدە، ۋىزانتىيىگە شەخسەن ئۆزى قوشۇن تارتىپ بېرىپ غەلىبە قىلىپ «رەشىد» (ئادالەتچى) دەپ نام ئالغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلى ئابباسىيلار خاندانلىقى روناق تاپقان مەزگىلى بولغان. پايتەختى باغدادنىڭ ئىگىلىك سودىسى گۈللەنگەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىلىم ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان. سىرتقا قارىتا ۋىزانتىيىگە يۈرۈش قىلىپ، ۋىزانتىيىنى ئولپان تاپشۇرۇپ سۈلھ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. شەرقتە جۇڭگو (تاڭ سۇلالىسى) بىلەن ئالاقە ئورناتقان، مۇسۇلمان سودىگەرلىرى «يىپەك يولى» ئارقىلىق شەرققە كېلىپ سودا قىلىپ تۇرغان. ئۇ تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مەدىنىدىكى شىئەلەرنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. كېيىنكى مەزگىلىدە، شىمالى ئافرىا خەلىپىنىڭ تىزگىنلىۋېلىشىدىن قۇتۇلغان. سەمەرقەند يۈز ئۆرۈگەن. ئۇ، قوشۇن باشلاپ شەرققە يۈرۈش قىلىش سەپىرىدە ۋاپات بولغان.

ھارې-ھاۋىس-كۇتتىڭ قانۇنى

  • ھارې-ھاۋىس-كۇتتىڭ قانۇنى[يەشمىسى:]» يەنە «فىلىپپىن مۇستەقىللىك قانۇنى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننىڭ «مۇستەقىل» بولۇشىغا يول قويۇشى توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسى بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ھارې (Hare)، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ھاۋېس ( Hawes) ۋە كۇتتىڭ (Cutting) لار ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 1933-يىلى 1-ئايدا، ئامېرىكا پارلامېنتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان، بۇ قانۇن نامدا فىلىپپىنغا 10 يىلدىن كېيىن «مۇستەقىللىك» بېرىشنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ماھىيەتتە فىلىپپىن كۆچمەنلىرىنى چەكلەش، فىلىپپىننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. شۇ يىلى 10-ئايدا بۇ قانۇن لايىھىسى فىلىپپىن كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. كۇئېزون زۇڭتۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئامېرىكىغا بېرىپ، يېڭى مۇستەقىللىك قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان. 1943-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «تيدىنگس-مىكدۇففې قانۇنى» نى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى قانۇن لايىھىسىدە بەزى مۇھىم بولمىغان سۆزلەردىكى ئوخشىماسلىقتىن باشقا، ماھىيەت جەھەتتە ھېچقانداق پەرق يوق.

ھازىرقى زامان

  • ھازىرقى زامان[يەشمىسى:]»يەنى جاھانگىرلىك ۋە پرولېتارىيات ئىنقىلابى دەۋرى. تارىختا ئومۇمەن پرولېتارىياتنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش دەۋرىنى كۆرسىتىدۇ؛ 1917-يىلدىكى روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى دۇنيا ھازىرقى زامان تارىخىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئىقتىسادىي شەرتنى ئاساس قىلىپ، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى جاھانگىرلىك شەكىللەنگەندە باشلانغان دېگەننى تەشەببۇس قىلىدىغانلارمۇ بار. دۇنيا ھازىرقى زامان تارىخىنى دەۋرگە بۆلۈشتە، بەزىلەر 1945-يىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاياغلىشىشىنى چېگرا قىلىپ، ئىككى دەۋرگە بۆلۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ بەزىلەر 1917-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ 30-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە، 1945-يىلى 8-ئايغىچە، 60-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە، ھازىرغىچە دەپ تۆت باسقۇچقا بۆلۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو ھازىرقى زامان تارىخى ئادەت بويىچە 1919-يىلدىكى 4-ماي ھەرىكىتىدىن باشلىنىپ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب دەۋرىگە قەدەم قويغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ.

ھاسان

  • ھاسان[يەشمىسى:]»(Abdulla، Muhammad Hassan، 1864 — 1920) سۇمالى مىللەتچىلىرىنىڭ پېشۋاسى. ئەنگلىيىگە قارشى قوزغىلاڭنىڭ رەھبىرى، شائىر. 1880 — 1890-يىللىرى پۈتۈن مەملىكەتنى ئايلىنىپ چىققان. 1894-يىلى مەككىگە ھەج قىلغىلى بېرىپ سالىھىيە (Salihiya) مەزھىپىگە قاتناشقان. مەملىكىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىمالدا دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان. 1896-يىلى ئىچكىرى رايونلارغا بېرىپ ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرىنى قۇرغان، مۇرىت قوبۇل قىلىپ، ئەنگلىيىگە قارشى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. 1898-يىلى غازات ئېلان قىلىپ ئەنگلىيە ۋە بارلىق يات دىندىكىلەرگە قارشى تۇرغان. شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىز بويلىرىدا ئەنگلىيە، ئىتالىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگە زەربە بەرگەن. 1905-يىلى ئىتالىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ ئىتالىيىگە قاراشلىق سۇمالىنىڭ شەرقىي دېڭىز بويلىرىدىكى مەركىزى رايونلىرىنى ئىدارە قىلغان ھەمدە داۋاملىق مۇرىت قوبۇل قىلىپ كۈچ توپلىغان. 1908-يىلى يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئەنگلىيىگە قاراشلىق سۇمالىغا كېڭىيىپ، تالېخ (Taleh) دېگەن جايدا باش شتاب تەسىس قىلغان. 1919-يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيە ئارمىيىسى دەھشەتلىك قىرغىن يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن قەتئىي بوشاشماستىن كۈرەش قىلغان. ئۇنىڭ نەسرىي ئەسەرلىرىدىن «رېچادكىۋردىنىڭ ئۆلۈمى»، «سەئىدىنىڭ جاۋابى» ۋە «ئادالەت يولى» قاتارلىقلار بار.

ھافور پروگراممىسى

  • ھافور پروگراممىسى[يەشمىسى:]» فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ پروگراممىسى. مەزكۇر پارتىيە 1879-يىلى مارسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن سوتسىيالىستلار ۋەكىللىرى يىغىنىدا قۇرۇلغان. پارتىيە رەھبەرلىرى گېئودې بىلەن لافارگ مەزكۇر پروگراممىنى ماركس ۋە ئېنگېلسنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈزۈپ چىققان، 1880-يىلى 11-ئايدا ھافوردا ئۆتكۈزۈلگەن فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسى قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان. پروگرامما نەزەرىيە قىسمى ۋە ئەمەلىيەت قىسمى (ياكى ئەڭ تۆۋەن پروگرامما دەپ ئاتىلىدۇ) دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن. ماركس نەزەرىيە قىسمىدىكى ئاغزاكى ئېيتىپ بەرگەن كىرىش سۆزىدە، پرولېتارىياتنىڭ مۇستەقىل پارتىيىسىنى قۇرۇپ ۋە پرولېتارىياتنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتى ئارقىلىقلا ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتكە مەنسۇپ بولۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى تەكىتلەپ كۆرسىتىلگەن. لېكىن، پروگرامما پارتىيە ئىچىدىكى مالون، بروس باشچىلىقىدىكى ئاغمىچىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

ھاكىمⅡ

  • ھاكىمⅡ[يەشمىسى:]» (HakamⅡ-al،؟— 976) كوردوۋا خەلىپىلىكىنىڭ ھۆكۈمرانى (961 — 976). تەختتىكى مەزگىللىرى شىمالدىكى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇششاق دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى سۈلھ قىلىشقا مەجبۇرلىغان. مىلادى 974-يىلى مەغرىبتىكى ئىدرىس سۇلالىسىنى يوقاتقان، ئىلىم ۋە مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرغان، مۇكاپاتلىغان. كوردوۋا داشۆسىنى كېڭەيتىپ، شەرقتىن كۆپلىگەن ئالىملارنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىپ، مەزكۇر مەكتەپنى دۇنياغا مەشھۇر بىلىم يۇرتىغا ئايلاندۇرغان. مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەقسىز ئوقۇتىدىغان مەكتەپلەردىن 27 نى سالدۇرغان. كىتاب ساقلاشقا ئامراق بولۇپ، ھەرقايسى جايلارغا ئادەم ئەۋەتىپ تۈرلۈك كىتابلاردىن 40 مىڭ پارچىنى ئەكەلدۈرۈپ، كوردوۋا كۇتۇبخانىسىدا ساقلىغان. كۆرگەن كىتابلىرى ناھايىتى كۆپ، بىلىم دائىرىسى كەڭ، بەزى قول يازمىلارغا ئىزاھ يازغان، كېيىنكى ئالىملار ئۇنىڭ ئىزاھلىرىغا يۈكسەك باھا بەرگەن.

ھاكىم

  • ھاكىم[يەشمىسى:]» (1) «ئارخون» (archon). قەدىمكى يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقى. ئافىنادا، تەخمىنەن مىلادىدىن 683 يىل ئىلگىرى «پادىشاھلىق ھاكىمىيەت» بىكار قىلىنىپ، ئىككىنچى يىلى ئاقسۆڭەكلەر ئارىسىدىن ھاكىم سايلىنىپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىر يىل قىلىپ بەلگىلەنگەن، دەسلەپتە ئۈچ كىشى، كېيىن كۆپەيتىلىپ توققۇز كىشى بولغان، بۇلار: باش ھاكىم (Archon eponymous يىلنامە ئەمەلدارى) ئۇنىڭ ئىسمى شۇ يىلنىڭ نامى قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرغان ھەمدە دۆلەت ئىشلىرىغا نازارەت قىلغان. يەنە بەزى تەبرىكلەش مۇراسىملىرىنى باشقۇرغان؛ ئىككىنچى ھاكىم باسىلېۋس (Archon basileus) دىننى باشقۇرغان، دىنىي دېلولارنى سورىغان ھەمدە ئۇرۇقلارنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغان، يەنە ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشىگە رەئىسلىك قىلغان؛ ئۈچىنچىسى، ھەربىي ھاكىم (Polemarchos) بولۇپ، ئۇ ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرغان، قوشۇمچە دىپلوماتىيە ئىشلىرىنىمۇ باشقۇرغان؛ قالغان ئالتىسى ئەدلىيە ھاكىمى (thesmothetai) بولۇپ، بۇلار پەۋقۇلئاددە سوت تەشكىل قىلىپ، زور ئەنزىلەرنى سورىغان. ئادەتتە، ھاكىم ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن كېيىن ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشىگە قاتناشقان. پۇقرالارنىڭ ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىگە ئەگىشىپ، پۇقرالارمۇ چەك تارتىپ سايلىنىدىغان بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئافىنا ھاكىمىنىڭ خېلى زور ھوقۇقى بولغان، گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى) دا ئۇنىڭ ھوقۇقىنى بارا-بارا ئون سەردار كېڭىشى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، بەزى دىنىي ۋە ئەدلىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بىلەنلا چەكلەنگەن. رىم يۇنانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىر) دىن كېيىن ھاكىم داۋاملىق مەۋجۇت بولغان. (2) «كونسۇل» (Consol). قەدىمكى رىم جۇمھۇرىيىتى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن Ⅰ ئەسىرگىچە) نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى. «پادىشاھلىق ھاكىمىيەت» ئاخىرلاشقان (تەخمىنەن مىلادىدىن 509 يىل ئىلگىرى) دىن باشلاپ سېنتورىيىلەر (Centuria، 100 كىشىلىك كېڭەش) قۇرۇلتىيى ھەر يىلى ئىككى ئادەمنى سايلاپ، ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتىنى بىر يىل قىلىپ بەلگىلىگەن، ئىككى كونسۇلنىڭ ئىسمى شۇ يىلنىڭ نامى قىلىنغان. كونسۇل ھەربىي ۋە مۈلكىي چوڭ ھوقۇقنى ئۆز قولىدا تۇتقان، ئۇرۇش ۋاقتىدا ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلغان، مەمۇرىي ئىشلار جەھەتتە، سېنات ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، قانۇن لايىھىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، سايلامغا رەھبەرلىك قىلغان، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلغان ۋە باشقىلار. سەپەرگە چىققاندا، مۈرىسىگە فاشىست تايىقىنى قويۇۋالغان 12 نەپەر لېكتور (ھۈرمەت قاراۋۇلى، ياساۋۇل) ھەمراھ بولغان. دەسلەپتە ئۇنى ئاقسۆڭەكلەر تەنھا ئىگىلىۋالغان، مىلادىدىن 366 يىل ئىلگىرىدىن باشلاپ، پۇقرالاردىن بىر ئادەم سايلىنىدىغان بولغان. ئىش ھەققى يوق بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، سېناتقا قاتناشقان. ئىمپېرىيە تۈزۈمى ئورنىتىلغان (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى) دىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مۇقىم بولماي ئىسمى بار، جىسمى يوق بولۇپ قالغان.

ھاكىمدار

  • ھاكىمدار[يەشمىسى:]» كاماكۇرا شوگوناتلىقىدىكى مەنسەپ. بىرىنچى ئەۋلاد سىياگۇن مىتاموتو يورىتومو ئوگو خىروموتونى مەمۇرىي مەھكىمە (مالىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ)نىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇنى ھاكىمدار دەپ ئاتىغان. ئۈچىنچى ئەۋلاد سىياگۇن مىناموتو سانېتومو مەزگىلى (1203 — 1219) گە كەلگەندە، ئوگو خىروموتو بىلەن خۇجو توكىماسا مەمۇرىي مەھكىمە باشلىقى بولغان. 1213-يىلى خۇجو يوشىتوكى مەمۇرىي مەھكىمە ۋە ھەربىي-ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئېلىپ ئەمەلىي ھوقۇقنى قولغا ئېلىپ، ئۆزىنى ھاكىمدار دەپ ئاتىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ مەنسەپكە خۇجو جەمەتىدىكىلەر ۋارىسلىق قىلغان. 1224-يىلى خۇجو ياسوتوكى ھاكىمدار بولغان چاغدا، خۇجو توكىفۇسا ليەنشۇ دەپ ئاتالغان، ئىككىنچى يىلى ھاكىمدارنىڭ قول ئاستىدا «باھالاپ بېكىتىش خادىمى» تەسىس قىلىنىپ، ئۇ مەمۇرىي مەھكىمىدە ھاكىمدارنىڭ زور مەمۇرىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەملەشكەن. بېيشياۋيىزونى مەركەز قىلغان فېئودال ھۆكۈمرانلىق فورمىسىدا «ھاكىمدار سىياسى» دەپ ئاتالغان. مۇروماچى شوگوناتلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، بۇ تۈزۈم يەنىلا داۋاملاشتۇرۇلۇپ، 1362-يىلىغا كەلگەندە گۇەنلىڭغا ئۆزگەرتىلگەن.

ھاكىملىق ھۆكۈمەت

  • ھاكىملىق ھۆكۈمەت[يەشمىسى:]» فرانسىيىنىڭ ناپولېئون بۇناپارت ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى (1799 — 1804) دىكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمەت. 1799-يىلى تۇمانلىق ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش تەپتىش ھۆكۈمەت ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئورنىتىپ، ناپولېئون بۇناپارت، سېيېس، روگېر-دۇكو (1754 — 1816) دىن ئىبارەت ئۈچ كىشى ۋاقىتلىق ھاكىملىققا تەيىنلەنگەن. 12-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇمھۇرىيەتنىڭ سەككىزىنچى يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنى جاكارلىنىپ ھاكىملىق ھۆكۈمەت رەسمىي قۇرۇپ چىقىلىپ، ناپولېئون باش ھاكىملىققا، كامبا سېرېس بىلەن لېبرون ئىككىنچى، ئۈچىنچى ھاكىملىققا تەيىنلەنگەن. جۇمھۇرىيەت شەكلى نامدىلا ساقلاپ قېلىنىپ، ئەمەلىيەتتە ھەربىي مۇستەبىتلىك يولغا قويۇلغان. بىرىنچى ھاكىم پۈتكۈل دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئۆز قولىغا ئالغان. 1802-يىلى8-ئايدا ئۆمۈرلۈك باش ھاكىملىققا ئۆزگەرتىلگەن. 1804-يىل 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىمپېرىيە تۈزۈمى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، ھاكىملىق ھۆكۈمەتنىڭ ئورنىنى ئىمپېرىيە ئىگىلىگەن.

ھاكىمىيەتنى قايتۇرۇپ بېرىش

  • ھاكىمىيەتنى قايتۇرۇپ بېرىش[يەشمىسى:]» ياپونىيە توكۇگاۋا شوگناتىنىڭ ئاخىرقى ئەۋلاد سىياگۇنى كېيىنكى توكۇگاۋا ئېسنوبۇنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى تېننوغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 1867-يىلى شوگناتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەرىكىتى ناھايىتى تېز راۋاجلىنىپ، شوگناتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان. 11-ئاينىڭ 9-كۈنى كېيىنكى توكۇگاۋا ئېسنوبۇ سابىق توسا ۋاسساللىقىنىڭ بېگى ياماچى تويوشىگىرىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئوردىغا «ھاكىمىيەتنى قايتۇرۇپ بېرىش» مەكتۇپىنى سۇنغان، ئەتىسى تېننونىڭ تەستىقلىشىغا ئىگە بولغان. 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئوردا يەنىلا كېيىنكى توكۇگاۋا ئېسنوبۇغا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى ۋاقتىنچە بېجىرىپ تۇرۇشنى ھاۋالە قىلغان. 11-ئاينىڭ 19-كۈنى كېيىنكى توكۇگاۋا ئېسنوبۇ سىياگۇنلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن، لېكىن ئەمەلىي ھوقۇقنى ساقلاپ قالغان. شوگناتنى ئاغدۇرغۇچىلار بۇ سۇيىقەستنى بىتچىت قىلىشقا ئىرادە باغلىغان. 1868-يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ياپونىيە ئوردىسى «مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يارلىقى» نى ئېلان قىلغان ھەمدە كېيىنكى توكۇگاۋا ئېسنوبۇغا مەنسەپ ۋە يەرلەرنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

ھاللېي

  • ھاللېي[يەشمىسى:]» (Edmund Halley،1656— 1742) ئەنگلىيىلىك ئاسترونوم. گېرېنۋىچ رەسەتخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1682-يىلى بىر دانە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنى بايقىغان ھەمدە ئالەمنىڭ تارتىش كۈچى قانۇنىدىن پايدىلىنىپ، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسىنى ھېسابلاپ چىقىپ، بۇ يۇلتۇزنىڭ 1531-يىلى ۋە 1607-يىلى كىشىلەر كۆرگەن قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن ھەمدە ئۇنىڭ 1759-يىلى يەنە كۆرۈنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ، بۇ يۇلتۇزنىڭ ھەر 76 يىلدا قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. بۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز كېيىن ھاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى دەپ ئاتالغان. تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئايلىنىش يولى ۋە ئاي ھەرىكىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تېزلىنىش ھادىسىسىنى بايقاپ چىققان ھەمدە تۇنجى جەنۇبىي ئاسمان يۇلتۇزلىرى جەدۋىلىنى سىزىپ چىققان.

ھامباخ قۇرۇلتىيى

  • ھامباخ قۇرۇلتىيى[يەشمىسى:]» گېرمانىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چاقىرغان ئاممىۋى قۇرۇلتىيى. 1832-يىل 5-ئاينىڭ 27 — 30-كۈنلىرى بۇرژۇئا دېموكراتچىسى، سىياسىي ئوبزورچى ۋىرت (Joseph Wirth، 1798 — 1848) قاتارلىق كىشىلەرنىڭ چاقىرىقى بىلەن باۋارىيە رايونىدىكى نىيوشىتادت (Neustadt) يېنىدىكى ھامباخ (Hambacher) قورغىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن. قۇرۇلتاي «گېرمانىيىنى قايتا گۈللەندۈرۈش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، فېئودال ئىستېبداتلىققا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن فېدېراتسىيىلىك تۈزۈمدىكى جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە گېرمانىيە، فرانسىيە، پولشا، ۋېنگرىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىكى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ بىرلىشىپ، «مۇقەددەس ئىتتىپاق» قا قارشى تۇرۇشىنى تەكلىپ قىلغان. قۇرۇلتايدىن كېيىن تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن سىياسىي نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. كېيىن گېرمانىيە ئىتتىپاق پارلامېنتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.

ھامبۇرگ قوزغىلىڭى

  • ھامبۇرگ قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]» گېرمانىيىدىكى ھامبۇرگ ئىشچىلىرىنىڭ تېلمان رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بارغان قوراللىق قوزغىلىڭى. 1923-يىلى 1-ئايدا فرانسىيە، بېلگىيە قوشۇنلىرى رۇرنى بېسىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيىدە ئىنقىلابىي ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ساكسۇنىيە بىلەن تۇرىنگىيە(Thūringen) دە كوممۇنىستلار قاتناشقان ئىشچىلار ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. بۇرژۇئا مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئەسكەر ئەۋەتىپ باستۇرغان. گېرمانىيە كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي ئىش تاشلاشنى ۋە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلغان.10-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلمان ھامبۇرگ ئىشچىلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ بىرىنچى بولۇپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ساقچى ئىدارىسىنى ئىگىلىگەن ھەمدە بارىكادا قۇرۇپ، ئەكسىيەتچى ھەربىي-ساقچىلار بىلەن كەسكىن ئېلىشقان. لېكىن بۇ چاغدا گېرمانىيە كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنى تىزگىنلەپ تۇرغان براندېل جايلارغا قوزغىلاڭنى بىكار قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھامبۇرگ ئىشچىلىرىنى ياردەمچىسىز يېتىم ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغانلىقتىن، قوزغىلاڭچىلار 10-ئاينىڭ 25-كۈنى جەڭ مەيدانىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيە ئىنقىلابى تۆۋەن دولقۇنغا چۈشۈپ قالغان.

ھامپتون دىنىي يىغىنى

  • ھامپتون دىنىي يىغىنى[يەشمىسى:]» 1604-يىلى 1-ئايدا، ئەنگلىيىدىكى ھامپتون (Hampton، لوندون ئەتراپى) دا ئېچىلغان دىنىي يىغىن. ئەنگلىيە پۇرىتانلىرى 1603-يىلى 4-ئايدا جېمىس Ⅰ گە مۇراجىئەتنامە سۇنۇپ، ئەنگلىيە دۆلەت دىنىدىكى كاتولىك دىنىنىڭ تەسىرلىرىنى تازىلاشنى، جۈملىدىن ئېپىسكوپلۇق تۈزۈمى ۋە كاتولىك دىنىغا خاس بەزىبىر رەسمىيەتلەرنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. كېيىنكى يىلى 1-ئايدا ئەنگلىيە دۆلەتلىك چېركاۋنىڭ ئېپىسكوپى بىلەن پۇرىتانلارنىڭ باشلىقى قاتناشتۇرۇلغان بۇ دىنىي يىغىنغا جېمىس Ⅰ رىياسەتچىلىك قىلغان. جېمىس Ⅰ يىغىندا «ئېپىسكوپ بولمىسا، كورۇلمۇ بولمايدۇ» دەپ تەكىتلەپ، پۇرىتانلارنىڭ ئىسلاھات تەلىپىنى رەت قىلغان. 

ھامسۇم

  • ھامسۇم[يەشمىسى:]» (Knut Hamsum، 1859 — 1952) ئەسلى ئىسمى كنۇت پېدېرىسون (Knut Pederson). نورۋېگىيىلىك يازغۇچى. دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. نورۋېگىيىنىڭ ئەڭ شىمالىي رايونىدا ياشىغان، كېيىن جايلاردا سەرگەردان بولغان. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1882—1884-ۋە 1886 — 1888-يىللىرى ئىككى قېتىم ئامېرىكىغا بېرىپ كانچى ۋە شوپۇر بولغان. 1890-يىلى ئېلان قىلغان «ئاچلىق» رومانى بىلەن نام قازانغان. 1917-يىلى «دۇنيا نېمىتى» رومانىنى يېزىپ، ئاددىي-ساددا تۇرمۇشنى تەسۋىرلىگەن. 1920-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. گېرمانىيە نورۋېگىيىنى ئىشغال قىلغان مەزگىلدە ناتسىستلار بىلەن ھەمكارلاشقان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن جازالانغان. 1949-يىلى ئەڭ ئاخىرقى رومانى «ئوت-چۆپ قاپلىغان چىغىر يولدا» نى يېزىپ، ئۆزىنىڭ تۇتقان يولىنى ئاقلىغان.

ھامىلتون

  • ھامىلتون[يەشمىسى:]» (Alexander Hamilton، تەخمىنەن 1755 — 1804) ئامېرىكا قوشما شتات پارتىيىسىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى. غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدىكى شوتلاندىيىلىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1772-يىلى نيۇ-يوركقا كەلگەن. 1773 — 1774-يىللىرى خانلىق ئىنستىتۇتى (بۈگۈنكى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى) دا ئوقۇغان. كېيىن ئادۋوكات ۋە چوڭ قۇرۇقلۇق مەجلىسىنىڭ ۋەكىلى بولغان. 1777—1781-يىللىرى ۋاشىنگتوننىڭ كاتىپى ۋە مەسلىھەتچىسى بولغان. 1787-يىلى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مەجلىسىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، قوشما شتات ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان. 1789 — 1795-يىللىرى مالىيە ۋەزىرى بولۇپ، مالىيىنى تەرتىپكە سېلىش، دۆلەت بانكىسى قۇرۇش، يەرلىك مەھسۇلاتلىرى بېجى ئېلىش ۋە تاموژنىنى مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىق پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. «ۋسكى ھارىقى ۋەقەسى»نى باستۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. سىرتقى سىياسەتتە ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ يەنە ئارمىيىنىڭ پروكۇرورى، پارلامېنت ئەزاسى بولغان.1804-يىلى 7-ئايدا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ئەرون بېر (Aron Burr، 1756 — 1836) بىلەن دۇئېلغا چىقىپ، ئېغىر يارىلىنىپ ئۆلگەن.

ھامىيلار

  • ھامىيلار[يەشمىسى:]» قەدىمكى رىمدىكى بىر ئىجتىمائىي قاتلام. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردىكى «پادىشاھ ھاكىمىيىتى دەۋرى» دە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، رىمدا سىنىپىي جەمئىيەت شەكىللىنىۋاتقان مەزگىلدىكى ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسىگە مەنسۇپ. «ھامىيلىق قىلغۇچىلار» غا قارالسۇن.

ھامىيلىق تۈزۈمى

  • ھامىيلىق تۈزۈمى[يەشمىسى:]»(1) ھىماتلىق تۈزۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى رىمنىڭ بىر خىل جىسمانىي بېقىندىلىق تۈزۈمى. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرلەردىكى «پادىشاھ ھاكىمىيىتى دەۋرى»دە بارلىققا كەلگەن. ھامىيلىق قىلىنغۇچىلار بىلەن ھامىيلىق قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ئادەتتە، مىراسخورلۇق مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولۇپ، بىر خىل پۈتۈم خاراكتېرىنى ئالغان. ئالدىنقىلىرى كۆپىنچە نامرات يوقسۇللار ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى يوقلار بولۇپ، كېيىنكىلەرنىڭ ئالدىغا پاناھلىنىپ كېلىپ، ئۈلۈشلۈك يەرگە ئىگە بولغان ھەمدە ئۇلارغا ھەقسىز ئەمگەك قىلىپ بەرگەن. كېيىنكىلىرى مال ۋە ھوقۇققا ئىگە ئاقسۆڭەكلەر بولۇپ، ئالدىنقىلىرىغا قارىتا «ھامىيلىق قىلىش» (مەسىلەن، ئۇلارغا ۋەكالىتەن سوتقا قاتنىشىش) مەجبۇرىيىتى بولغان. بۇ ئەسلىدە ئىپتىدائىي جەمئىيەت يىمىرىلىش مەزگىلىدە شەكىللەنگەن بىر خىل نىسپىي مۇناسىۋەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈزۈم رىم جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە ۋە ئىمپېرىيە تۈزۈمى مەزگىلىدە داۋاملىق ساقلىنىپ قالغان ھەمدە مەلۇم دەرىجىدە راۋاجلاندۇرۇلغان. قويۇپ بېرىلگەن قۇللار بىلەن ئەسلىدىكى قۇلدارلار ئوتتۇرىسىدا بۇ خىل مۇناسىۋەت دائىم دېگۈدەك مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. (2) ياۋروپادا ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى دەھرىي ياكى چېركاۋ فېئوداللارنىڭ ئۇششاق فېئوداللارغا ياكى دېھقانلارغا قاراتقان بىر خىل «ھامىيلىق» تۈزۈمى. «ھامىيلىق قىلىنغۇچىلار»(«بېقىندىلار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئادەتتە يەر تەقسىم قىلىش، ھەربىي مەجبۇرىيەت ۋە ئەمگەك مەجبۇرىيىتى ئۆتەش ياكى ھاشار ئورنىغا پۇل تۆلەش شەرتى ئاستىدا فېئوداللارنىڭ «ھامىيلىقى»غا ئېرىشكەن. ئەمەلىيەتتە بېقىندى بولۇشقا مەجبۇر بولغان. چوڭ فېئوداللارنىڭ ئۇششاق فېئوداللارغا قاراتقان «ھامىيلىقى» تەدرىجىي ھالدا فېئودال ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھۆكۈمرانلىق ۋە بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن؛ دېھقانلارغا قارىتىلغان «ھامىيلىق» بولسا، دېھقانلارنى يانچىلارغا ئايلاندۇرغان.

ھانزا ئىتتىپاقى

  • ھانزا ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]» ⅩⅦ — ⅩⅣ ئەسىرلەردە گېرمانىيىنىڭ شىمالىدىكى شەھەرلەردىن لۇبېكنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان سودا ۋە سىياسىي ئىتتىپاق. گېرمان تىلىدا Hansa ياكى Hanse دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «ئۇيۇشما»، «جەمئىيەت» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئىتتىپاق 1367-يىلى قۇرۇلغان، ئۇنىڭغا قاتناشقان شەھەرلەر 70 نەچچە، كۆپ بولغاندا 160 قا يەتكەن. بۇلاردىن ئاساسلىقلىرى لۇبېك (Lūbeck) شەھىرىدىن باشقا يەنە ھامبۇرگ برېمېن (Bremen)، شىترا لىزۇند (Stralsund) شەھەرلىرى بار. مەزكۇر ئىتتىپاق برۇگگې (نىدېرلاندىيىدە)، نوۋگورود (روسىيىدە)، لوندون، بېرگېن (نورۋېگىيىدە) قاتارلىق شەھەرلەردە سودا پونكىتلىرىنى قۇرغان. شىمالىي دېڭىز ۋە بالتىق دېڭىزىنىڭ سودا-سېتىقىنى مونوپول قىلىۋېلىپ، فلاندرىيە (Flandre)، ئەنگلىيە، شىمالىي گېرمانىيىلەرنىڭ سوكنولىرىنى، ئوتتۇرا ياۋروپا، ئەنگلىيە، سىكاندىناۋىيىلەرنىڭ مېتال بۇيۇملىرىنى، شىمالىي گېرمانىيە، فرانسىيىنىڭ غەربىي دېڭىز بويلىرىنىڭ تۇزلىرىنى، شەرقىي ياۋروپانىڭ يۇڭ-تېرە ۋە شاملىرىنى ئېلىپ ساتقان. مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ قوراللىق قىسىملىرى، دېڭىز فلوتى ۋە خەزىنىسى بولۇپ، سىرتقا قارىتا ئۇرۇش ئېلان قىلىش، سۈلھ قىلىش ۋە شەرتنامە تۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، 1370-يىلى، دانىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن «شىتىرالدۇىت سۈلھ شەرتنامىسى» تۈزگەن. ئىتتىپاقنىڭ ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ھاكىمىيىتى شەھەر ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ⅩⅤ ئەسىرنىڭ باشلىرى كەسەبە ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شەھەر ئاقسۆڭەكلىرىگە قارشى قوزغىلىڭى يۈز بېرىپ باستۇرۇلغان. ئەنگلىيە، نىدېرلاندىيە ۋە سكاندىناۋىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردە سودا-سانائەتنىڭ راۋاجلىنىشى ھەم يېڭى دېڭىز يوللىرىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن ئىتتىپاق زەئىپلىشىشكە يۈزلەنگەن. 1669-يىلى پارچىلىنىپ كەتكەن.

ھانزېمان

  • ھانزېمان[يەشمىسى:]» (David Justus Hansemann، 1790 — 1864) پرۇسسىيە باش ۋەزىرى (1848). ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30 — 40-يىللىرىدىكى گېرمانىيە ئەركىن بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، «رېين گېزىتى» نى نەشىر قىلىشقا قاتناشقان.1847-يىلى پرۇسسىيە پادىشاھلىقىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇننى ۋە بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىقىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1848-يىلى، گېرمانىيە مارت ئىنقىلابىدىن كېيىن كامپاۋزېن ئىچكى كابىنېتنىڭ مالىيە ۋەزىرى بولۇپ، بارلىق چوڭ مەسىلىلەر توغرىسىدىكى سىياسەت بەلگىلەش خىزمەتلىرىگە قاتناشقان. 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، يېڭى تەشكىللەنگەن ئوستۋالد ھانزېمان ئىچكى كابىنېتىدا يەنىلا مالىيە ۋەزىرى بولغان. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ قېتىملىق ئىچكى كابىنېتنىڭ سىياسەت بەلگىلىگۈچىسى بولغان. ئۇ خان جەمەتى بىلەن مۇرەسسەلىشىشكە تىرىشىپ، ئىنقىلاب تەرەققىياتىغا بار كۈچى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغان، ساقچى ئاپپاراتلىرىنى كېڭەيتىپ، دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى ھەدەپ باستۇرغان. مالىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بارماقچى بولغاندا يۇنكېر پومېشچىكلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، 9-ئايدا خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي ساھەدىن قول ئۈزۈپ، مەخسۇس پۇل مۇئامىلە ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە 1851-يىلى بېرلىن دىسكونت بانكىسىنى قۇرغان.

ھانسېن

  • ھانسېن[يەشمىسى:]» (Gerhard Henrik Armauer Hansen، 1841 — 1912) نورۋېگىيىلىك تىببىي ئالىم. 1868-يىلى بېرگېن (Bergen) دا ماخاۋ كېسەللىكى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1873-يىلى ماخاۋ تاياقچە باكتېرىيىسىنى بايقاپ، كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنى يېزىپ، ماخاۋ كېسەللىكىنى داۋالاشقا زور تۆھپە قوشقان. شۇڭا ماخاۋ كېسەللىكى «ھانسېن كېسەللىكى» دەپمۇ ئاتالغان.

ھانگو جېڭى

  • ھانگو جېڭى[يەشمىسى:]» شىمال ئۇرۇشى ۋاقتىدا روسىيىنىڭ شۋېتسىيىگە قارشى ئېلىپ بارغان دېڭىز ئۇرۇشى. 1714-يىل 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، فىنلاندىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ھانگو Hango](ھانكو Hanco)[ يېرىم ئارىلى يېنىدا پېتېرⅠ روسىيە دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، شۋېتسىيە فلوتىنى يەڭگەن. شۋېتسىيىنىڭ 10 پاراخوتى زىيانغا ئۇچرىغان، تەخمىنەن 950 كىشى ئۆلگەن ۋە يارىلانغان، ئەسىرگە چۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن شۋېتسىيە دېڭىز فلوتىنىڭ پېتېربۇرگقا بولغان بىۋاسىتە تەھدىتى تۈگىتىلگەن.

ھاننوۋېر

  • ھاننوۋېر[يەشمىسى:]»(Hannover) گېرمانىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تارىخىي رايوننىڭ نامى. برائونشۋېيگ-لۈنېبۇرگ (Brunswick Lūneburg) كىنەرلىكىنىڭ مەركىزىي رايونى. 1636-يىلى، مەزكۇر كىنەزلىكنىڭ نامى ھاننوۋېر كىنەزلىكىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1692-يىلى ھاننوۋېر گېرتسوگى كورۇل سايلىغۇچى گېرتسوگ ئورنىغا ئېرىشكەن. 1714-يىلى، ھاننوۋېر گېرتسوگلۇقىنىڭ كورۇل سايلىغۇچى گېرتسوگى گېئورگې (George، 1660- 1727) ئەنگلىيە كورۇللۇقىنى قوشۇمچە ئۆتەپ، ئەنگلىيىدىكى ھاننوۋېر خاندانلىقىنى قۇرغان. 

ھاننوۋېر خاندانلىقى

  • ھاننوۋېر خاندانلىقى[يەشمىسى:]»ھاننوۋېر جەمەتىنىڭ 1091 — 4171-يىللىرى ئەنگلىيىدە قۇرغان بۇرژۇئا پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق خاندانلىقى. گېرمانىيىنىڭ شىمالىدىكى ھاننوۋېرنىڭ كورۇل سايلىغۇچى گېرتسوگى ئېرنېست ئاۋگۇستۇس (Ernest Augustus) ئەنگلىيە كورۇلى ھى جىمىسⅠ نىڭ قىز نەۋرىسىگە ئۆيلەنگەن.ئۇلارنىڭ ئوغلى گېئورگېⅠ 1714-يىلى ئەنگلىيە كورۇلىۋاسى ئاننانىڭ تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن 1701-يىلى تۈزۈلگەن «تەخت ۋارىسلىق قانۇنى» غا بىنائەن ستۇئارت خاندانلىقىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. گېئورگېⅠ (1714 —1727)، گېئورگې Ⅱ (1727— 1760)، گېئورگې Ⅲ (0281 — 0671)، گېئورگې Ⅳ (1820 - 1830)ۋە ۋېلھېلمⅣ(1830— 1837) دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن. كورۇلىۋا ۋىكتورىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى (1830 — 1901) ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھاننوۋېر خاندانلىقى ئاخىرلاشقان. 

ھانوتۇ

  • ھانوتۇ[يەشمىسى:]»(Gabriel Hanotaux، 4491 — 3581) فرانسىيىلىك تارىخشۇناس. 1879-يىلدىن باشلاپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئارخىپ خىزمىتىنى باشقۇرغان. 1885-يىلى كونستانتىنوپولدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا مەسلىھەتچىسى بولغان. ئىككى قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان (5981 — 4981، 8981 — 6981). بۇ مەزگىلدە روسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش ۋە ئافرىقىغا مۇستەملىكىچىلىك تاجاۋۇز قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ماداغاسقارنى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرغان ھەمدە 1896-يىلدىكى «فرانسىيە-ئىتالىيە شەرتنامىسى» ئارقىلىق تۇنىسنى ئەمەلىي كونترول قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فرانسىيىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقتا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان (1920 — 1923). 1897-يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئاساسەن فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىپ، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى بايان قىلىشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ، فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك-كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى ئاقلىغان. «ⅩⅥ ئەسىردىن ⅩⅦ ئەسىرگىچە بولغان فرانسىيە تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات»، «ماداغاسقار ۋەقەسى»، «فاشودا»، «زامانىمىزدىكى فرانسىيە»، «فرانسىيە مىللىي تارىخى»، «ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى»، «رىشېلېنىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

ھانىس بوھېيم

  • ھانىس بوھېيم[يەشمىسى:]»(Hans Boheim، ؟ 6741 -) لەقىمى «نىكالاسھاۋزېنىنىڭ نەيچىسى» (Pfeifer Von Niklashausen). ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى گېرمانىيىنىڭ فرانكۇنىيە ئۆلكىسىدىكى تاۋبېر (Tauber) ۋادىسىدىكى دېھقانلار ھەرىكىتىنىڭ تەرغىباتچىسى. پادىچى. ئۇ چېركاۋ بىلەن دىندىن سىرت بولغان بارلىق ھوقۇقلارنى ئىنكار قىلىشنى؛ يەر ئىجارىسى،باج-سېلىق ۋە ئالۋان-ياساق قاتارلىق جىمىكى فېئوداللىق مەجبۇرىيەتلەرنى بىكار قىلىشنى؛ يەر يۈزىدىكى ھەممە ئادەم بىر-بىرىگە قېرىنداش بولغانلىقتىن باي-كەمبەغەل دەپ ئايرىماستىن، ھەممە كىشى ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى؛ ئورمان ۋە سۇلاردىن ئەركىن پايدىلىنىشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇڭا گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدىكى دېھقانلار ئارقا-ئارقىدىن ئۇ تۇرۇۋاتقان نىكلاسھاۋزېن يېزىسىغا توپلانغان. 1476-يىلى قوزغىلاڭ قىلىپ، ۋۇرتسبۇرگ (Wūrzburg) ئېپىسكوپىغا قارشى تۇرماقچى بولغاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن ئىش ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، ھانىس بوھېيم قولغا ئېلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى ئېپىسكوپ قوشۇنى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن. 

ھاۋانا ئەھدىنامىسى

  • ھاۋانا ئەھدىنامىسى[يەشمىسى:]»تولۇق ئاتىلىشى «ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى خىتابنامىسى». 1940-يىل 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ھاۋانادا ئىمزالىغان. فرانسىيە مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، 1940-يىل 7-ئاينىڭ 03—12-كۈنلىرى ھاۋانادا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق مەسلىھەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا يۇقىرىدا ئېيتىلغان خىتابنامە ماقۇللىنىپ، ئەگەر غەيرىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بىرەر دۆلەت ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ زېمىن، ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەندە ياكى تاجاۋۇز قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ دەپ ئىشەنگەندە، خىتابنامىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر دەرھال كېڭىشىپ، مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش توغرىسىدا تېگىشلىك كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. خىتابنامە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ غەربىي يېرىم شارغا كېڭىيىپ كىرىشىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىگە سىڭىپ كىرىشىنىمۇ كۈچەيتكەن. 

ھاۋانا خىتابنامىسى

  • ھاۋانا خىتابنامىسى[يەشمىسى:]»كۇبا خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى خىتابنامىسى. بىرىنچى قېتىملىق خىتابنامە 1960-يىلى 9-ئايدا ھاۋانادا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان. خىتابنامىدە ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا ئۇزۇن مۇددەت ئارىلاشقانلىقى ئەيىبلەنگەن؛ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مىللىي ئازادلىقى، دېموكراتىك ئەركىنلىكى ۋە ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەنلىكى جاكارلانغان؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش جاكارلانغان. 1962-يىلى 2-ئايدا ھاۋانادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق ھەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئىككىنچى خىتابنامە ماقۇللانغان، بۇنىڭدا ئاساسلىقى لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى شەرھلەنگەن. ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار باشلىقلىرى يىغىنىنى قىستاپ ماقۇللاتقان، كۇباغا ئارىلىشىدىغان ۋە لاتىن ئامېرىكىسى خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ كېلىدىغان قانۇنسىز قارارى ئەيىبلەنگەن. 

ھائېكېل

  • ھائېكېل[يەشمىسى:]»(Ernst Heinrich Haeckel، 9191 — 4381) گېرمانىيىلىك ناتۇرالىست، دارۋىنىزمنى قوغدىغۇچى ۋە تارقاتقۇچى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، بېرلىن داشۆسى ۋە ۋىرزبۇرگ داشۆسىدە ئوقۇغان. 1857-يىلى تىببىي پەن دوكتورى بولغان. ئىتالىيە ۋە قىزىل دېڭىز قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلغان ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 1865 — 1909-يىللىرى يېنا داشۆسىدە زوئولوگىيە پروفېسسورى بولغان. ئۇ ھايۋاناتلار مورفولوگىيىسى ۋە ئېبىمرىئولوگىيىسى جەھەتتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، جانلىقلارنىڭ پەيدا بولۇش قانۇنىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە كۈچلۈك ئاساس يارىتىپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئىدىيىسى شۇ چاغدىكى تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭ ستېخىيىلىك ماتېرىيالىستىك خاھىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ «بىر مەنبەچىلىك تەرەپدارلىرى جەمئىيىتى» نى تەسىس قىلىپ، دىنىي ۋە پەلسەپىدىكى جاھالەتچىلىككە قارشى كۈرەش قىلغان. ئۇنىڭ «ئالەمنىڭ سىرى» دېگەن كىتابى تېنولوگلار ۋە ئىدېئالىستىك پەيلاسوپلارنىڭ قاتتىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. لېكىن ئۇنىڭ جەمئىيەت تارىخىي كۆز قارىشى ئىدېئالىستىك بولغان. ئۇ دارۋىننىڭ ھاياتلىق رىقابىتى قانۇنىيىتىنى جەمئىيەت ساھەسىگە قوللىنىپ، ئەكسىيەتچىل دارۋىنىزم ۋە ئىرقچىلىقنىڭ تارقاتقۇچىسى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى«ئىنسانىيەتنىڭتەرەققىياتتارىخى»، «تەبىئەتنىڭ يارىتىلىش تارىخى»، «ھاياتلىق مۆجىزىلىرى»، «دىن بىلەن پەن ئوتتۇرىسىدىكى بەلباغ بولغان بىر مەنبەچىلىك» قاتارلىقلار. 

ھايادې لاتۇردې

  • ھايادې لاتۇردې[يەشمىسى:]»(Victor Raul Haya de la Torre، 1895 - 1979) پېرۇ «ئامېرىكا ئىنقىلابى خەلق پارتىيىسى» (خەلق پارتىيىسى، APRA) نىڭ ئاساسچىسى. تروجىللو (Trujillo) دا ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. لىماسېن ماكىس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەھبىرى بولغان. مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، 1923-يىلى سۈرگۈن قىلىنغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇن ۋاقىت سەرگەردانلىق تۇرمۇش كەچۈرگەن. 1924-يىلى مېكسىكىدا «ئامېرىكا ئىنقىلابى خەلق ئىتتىپاقى» نى قۇرۇپ، ئۇنى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نۇرغۇن ئەللەردە تەسىرگە ئىگە بولغان پېرۇدىكى ئاساسلىق پارتىيىگە ئايلاندۇرغان. پروگراممىسىدا يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش، سانائەتلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، چەت ئەل كاپىتالىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ئىندىئان ئامېرىكىزمنى ماختاپ، ئامېرىكا ئەللىرىدە سىياسىي-ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇشنى تەرغىپ قىلغان. 1931-يىلى ئۇ پېرۇغا قايتىپ كېلىپ زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىپ، ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان بولسىمۇ، قولغا ئېلىنىپ ئىككى يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. 8491 — 5491-يىللىرى بەلگىسىز مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1948-يىل ئۆكتەبردىكى ھەربىيلەر سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، كولومبىيىنىڭ لىمادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا پاناھلانغان. 1954-يىلى پېرۇ ھۆكۈمىتى چېگرىدىن چىقىپ كېتىشكە ئىجازەت بەرگەندىن كېيىن ئىتالىيە، پاناما، مېكسىكا، بېلگىيىدە سەرگەردان بولۇپ تۇرغان. ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1962 — 1963-يىللىرى ئىككى قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغان. 1978-يىلى 7-ئايدا پېرۇ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلغان. ئىككىنچى يىلى 8-ئايدا كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. 

ھاياما يۇشىكى

  • ھاياما يۇشىكى[يەشمىسى:]»(1894— 1945) ياپونىيىلىك رومانچى. ۋاسىدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىجتىمائىي پەن ئوقۇغان. ماتروس، مۇخبىر بولغان ۋە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ياتقان. تۈرمىدە «ئىپپىتىنى ساتقان ئايال» ھېكايىسىنى، «دېڭىزدا ياشىغۇچىلار» رومانىنى يازغان، كېيىن سول قانات تەشكىلاتىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت سېپىگە قاتنىشىپ، «لاي سۈزگۈچى كېمە»، «ھىندى كەشى» قاتارلىق ئېسىل ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ناگانو، گىفۇر ناھىيىلىرىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا كۆچۈپ بېرىپ، ئىجادىيەت بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، بوز ئاچقۇچىلار ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىغا كەلگەن. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن مەملىكىتىگە قايتىش سەپىرىدە جۇڭگونىڭ دېخۇي ۋوگزالىنىڭ يېنىدا ۋاگون ئىچىدە كېسەل بىلەن ئۆلگەن. كېيىن ئالتە توملۇق «ھاياما يۇشىكى ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

ھاي-پونسېفوتى شەرتنامىسى

  • ھاي-پونسېفوتى شەرتنامىسى[يەشمىسى:]» 1901-يىلى ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى جون ھاي (John Hay، 1838 — 1905) بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، لورد پونسېفوتى(Paun Cefote Lord) تۈزگەن پاناما قانىلىنى ياساش، ئىشلىتىش توغرىسىدىكى شەرتنامە. ئەنگلىيە، ئامېرىكا 1850-يىلى «كلايتون-بۇلۋېر شەرتنامىسى» نى تۈزگەن. لېكىن ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادىكى تەسىر دائىرىسى تېز ئۆسۈپ، ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان قانالنى ئېچىشنى جىددىي تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا گېرمانىيە بىلەن ئەنگلىيە جەنۇبىي ئامېرىكىدا رىقابەتلىشىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 1901-يىلى ئەنگلىيە بىلەن بۇ شەرتنامىنى تۈزگەن. ئۇنىڭدا ئىككى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان قانالنى ياساشقا ئامېرىكا مەسئۇل بولىدىغانلىقى، قانالنى تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقى ئامېرىكىدا بولىدىغانلىقى، لېكىن باشقا دۆلەتلەردە بۇ قانالنى باراۋەرلىك ئاساستا ئىشلىتىش ھوقۇقى بولىدىغانلىقى قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. ئامېرىكا پاناما قانىلىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇۋالغان، 1980-يىلىغا بارغاندا، ئاندىن ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى پاناما ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. 

ھايۋود

  • ھايۋود[يەشمىسى:]»(William Dudley Haywood، 8291 — 9681) ئامېرىكا ئىشچىلار ھەرىكىتى يولباشچىلىرىدىن بىرى. يۇتا شتاتىدىكى تۇزلۇق كۆل دېگەن يەردە تۇغۇلغان، 15 يېشىدا كان ئىشچىسى بولغان. 1901-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن، سول قاناتلاردىن بولغان. 1905-يىلى دۇنيا سانائەت ئىشچىلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭچى يولباشچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، زورلۇق كۈچ ئىشلىتىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ كارامەت ياخشى تەشكىلاتچى، تەرغىباتچى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ غەربىدە شۆھرەت قازانغان. لېكىن ئۇنىڭدا ئانارخوسىندىكالىزم خاھىشى بولغان. 1912-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن پارتىيىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1920-يىلى ئامېرىكا كومپارتىيىسىگە كىرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ جاھانگىرلىك خاراكتېرىنى پاش قىلغانلىقتىن قولغا ئېلىنىپ، 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. 1921-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ بارغان، كېيىن موسكۋادا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. 

ھايىندمان

  • ھايىندمان[يەشمىسى:]»(Henry Mayers Hyndman، 1291 — 2481) ئەنگلىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى. ياشلىقىدا كېمبرىج 1-مارت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. كېيىن مۇخبىر بولغان. 1881-يىلى دېموكراتلار ئىتتىپاقىنى قۇرغان. 1884-يىلى بۇ ئىتتىپاقنىڭ نامى سوتسىيال-دېموكراتلار ئىتتىپاقىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1911-يىلى ئەنگلىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىپ ئۇنىڭ رەئىسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇ پارتىيە تارقىلىپ كەتكەن. ئۇرۇشتىن كېيىن بىر بۆلۈك ئەزالىرى ئەنگلىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1920-يىلى يەنە باشقىدىن سوتسىيال-دېموكراتلار ئىتتىپاقىنى قۇرغان. ھايىندمان باشتا ئۆزىنى ماركسىزمنىڭ ئېتىقادچىسىمەن دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كاپىتالىزمنىڭ ئۆزلۈكىدىن يىمىرىلىش تەلىماتىنى تەرغىپ قىلغان، كەمبەغەللىكنىڭ ئۆزى ئىنقىلابنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىقتىسادىي بوھران كاپىتالىزمنىڭ ئۆزلۈكىدىن يىمىرىلىشىغا ئېلىپ بارىدۇ دەپ قارىغان. شۇڭلاشقا ئىشچىلار ھەرىكىتىگە سەل قارىغان. ھايىندماننىڭ «سوتسىيالىزمنىڭ تارىخىي نېگىزى»، «سوتسىيالىستىك ئىقتىسادشۇناسلىق» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

ھايېس

  • ھايېس[يەشمىسى:]»(1) روتېرفورد بىرچارد ھايېس (Ruther Ford Bircard Hayes،1822— 1893). ئامېرىكا زۇڭتۇڭى(1877-1881). ئوھىئو شتاتىدا تۇغۇلغان. 1843-يىلى كايىنئېن شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن، ئادۋوكات بولغان. ئامېرىكىدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە قوشما شتات قىسىملىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1865-يىلى پارلامېنتقا سايلانغان. جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىنىڭ جەنۇبنى يېڭىباشتىن گۈللەندۈرۈش پىلانىنى قوللىغان. 1867-، 1869-، 1875-يىللىرى ئۈچ قېتىم ئوھىئو شتاتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان.1876-يىلى بىر ئاۋاز ئارتۇق بولۇش بىلەن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە جەنۇبتا تۇرۇشلۇق قوشما شتات قىسىملىرىنى قايتۇرۇپ كەلگەن. جەنۇبقا قارىتا ئەپلىشىش سىياسىتىنى قوللانغان. 1877-يىلى ھەيئەت تەشكىل قىلىپ نيۇ-يورك تاموژنىسىنىڭ خىيانەتچىلىك-پارىخورلۇق دېلوسىنى تەكشۈرۈپ، نيۇ-يورك تاموژنا باش تەپتىشى ۋە باش باج ئەمەلدارىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ ياخشى باھاغا ئىگە بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن پارلامېنتنىڭ جۇڭگولۇقلارنى چەتكە قېقىش قانۇن لايىھىسىنى رەت قىلغان ھەمدە جۇڭگوغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كۆچمەنلەر شەرتنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزگەن. ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن كېيىن، خەير-ئېھسان ئىشلىرىنى بېرىلىپ ئىشلىگەن. (2) ۋالتېر رۇدۇلف ھېسىس (Walter Rudolf Hess، 1881 — 1973). شۋېتسارىيىلىك فىزىك. فراۋ ئېنفېلددا تۇغۇلغان. 1906-يىلى سىيورىخ داشۆسىدە تىببىي پەن دوكتورى بولغان. ئالتە يىل كۆز دوختورلۇق خىزمىتىنى ئىشلىگەن، 1591 — 7191-يىللىرى سىيۇرىخ داشۆسىدە پروفېسسور ۋە فىزىئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1907-يىلى ۋىسكومېتىرنى كەشپ قىلغان، 1911-يىلى ئالغايلىقنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى كەشپ قىلغان. مېڭىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىنىڭ ئەزالارنى تىزگىنلەش بىلەن بولغان ئالاقىسى جەھەتتە مۇھىم تۆھپە قوشقان. 1949-يىلى پورتۇگالىيىلىك مونىز بىلەن بىرلىكتە نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى تىببىي پەن مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. 

ھەبەشىستان ئۇرۇشى

  • ھەبەشىستان ئۇرۇشى[يەشمىسى:]» «ئېفىئوپىيە-ئىتالىيە ئۇرۇشى» غا قاراڭ. 

ھەججاج

  • ھەججاج[يەشمىسى:]»(Hajjaj ibn Yusuf، 661 — 714) يەنى تارىختا «ھەججاج زالىم» دەپ ئاتالغان كىشى. ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ ئىراقتىكى باش ۋالىيسى (694 — 714). ئەسلى تائىف رايونىدىكى بىر مەكتەپتە خەلپەت بولغان. مىلادى 692-يىلى خەلىپىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن قوشۇن تارتىپ مەككىنى بېسىۋېلىپ، ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئاتىۋالغان ئابدۇللا ئىبن زۇبەير (Abd Allah ibu al zubiayr، تەخمىنەن 296 — 426)نى ئۆلتۈرۈپ، ئەرەبىيىگە باش ۋالىي بولغان.694-يىلى ئىراققا باش ۋالىي بولۇپ تەيىنلەنگەن ۋە ئىراق ھەمدە شەرقتىكى ئۆلكىلەردە كۆتۈرۈلگەن ئىسياننى باستۇرغان. يېڭى مەركەز ۋاسىت (Wasit) نى قۇرغان. قوشۇن ئەۋەتىپ كابۇل، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى رايونلارنى ئىستېلا قىلىپ، ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ شەرقىي تېررىتورىيىسىدىكى ئەمەلىي ھۆكۈمرانغا ئايلانغان. ھوقۇق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى يېڭى مالىيە، باج سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مېتال پۇل قۇيدۇرغان؛ قانال قازدۇرغان؛ ئەدەبىيات ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنى مۇكاپاتلىغان، شۇنىڭدەك ئەرەب يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسىدە تۇنجى بولۇپ تاۋۇش بەلگىسى ئىشلەتكەن. 

ھەدە-سىڭىللارنى بىر ئەرگە نىكاھلاش

  • ھەدە-سىڭىللارنى بىر ئەرگە نىكاھلاش[يەشمىسى:]» توپ نىكاھلىق تۈزۈمىنىڭ بىر خىل قالدۇق شەكلى. يەنىئاكا-ئۇكىلار ئورتاق خوتۇن ئېلىش، ھەدە-سىڭىللارنى ئورتاق بىر ئەرگە نىكاھلاش ئادىتى. توپ نىكاھلىق تۈزۈمىدە، ئادەتتە ئەرنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى بىر تەرەپ، خوتۇننىڭ ھەدە-سىڭىللىرى بىر تەرەپ بولۇپ ئۆزئارا ئورتاق ئەر ۋە ئورتاق خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. بۇ خىل ئادەت كېيىنكى دەۋرلەردىكى توپ نىكاھلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقى بولۇپ ھېسابلانغان ھەدە-سىڭىللارنى بىر ئەرگە نىكاھلاش ئادىتى، كۆپىنچە ئەر تەرەپنىڭ ئۆز خوتۇنىنىڭ بەلگىلىك ياشقا كەلگەن سىڭلىسىنىمۇ ئۆز نىكاھىغا ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ياكى ئۆلۈپ كەتكەن خوتۇنىنىڭ ھەدىسى ياكى سىڭلىسى بىلەن توي قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئالدىنقىسى ئالاھىدە بىر خىل كۆپ خوتۇن ئېلىش تۈزۈمى بولۇپ، كېيىنكىسى يەنىلا يەككە نىكاھلىنىش تۈزۈمىگە كىرىدۇ. 

ھەدىس

  • ھەدىس[يەشمىسى:]»(Hadith) ئەرەبچە «تارقىلىپ يۈرگەن كەڭ-سۆز» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىسلام دىنىدە قۇرئاندىن قالسىلا مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. ھەدىستە ئىسلام دىنىنى ياراتقۇچى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ سۆز-ھەرىكىتى، پائالىيىتى ۋە كۆرسەتمىلىرى بايان قىلىنغان. كەڭ مەنىدىكى ھەدىس مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ياكى ئىككىنچى ئەۋلاد ساھابىلىرىنىڭ تارقىلىپ يۈرگەن سۆز-ھەرىكەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەدىس دەسلىپىدە ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقالغان؛ كېيىن توپلاپ، كىتاب قىلىنغان. سۈننى مەزھىپى ئالتە خىل ھەدىس تۈزۈپ چىقىپ، بۇنى «ئۇلۇغ ئالتە ھەدىس» دەپ ئاتىغان. شىئە مەزھىپىمۇ ئۆزىنىڭ «تۆت مۇقەددەس كىتاب» نى تۈزۈپ چىققان. ھەدىس ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى ۋە فىقىھلىرى توغرىسىدا «قۇرئان» دىنلا كېيىن تۇرىدىغان كلاسسىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. 

ھەدىس

  • ھەدىس[يەشمىسى:]» يۇقىرىقى «ھەدىس» كە قاراڭ. 

ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى

  • ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى[يەشمىسى:]» «مىلىتارىست دېموكراتىيە تۈزۈمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىن سىنىپىي جەمئىيەت ۋە دۆلەتكە قاراپ ئۆتۈش باسقۇچىدىكى بىر خىل ئىجتىمائىي تەشكىلات شەكلى، مەزكۇر ئۆتكۈنچى باسقۇچ بەزىدە ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكىلىق ئانتىروپولوگ مورگان ئۆزىنىڭ «قەدىمكى جەمئىيەت» دېگەن كىتابىدا: يۇناندىكى گومېر (قەھرىمانلىق) دەۋرى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە)، رىمدىكى پادىشاھلىق ھاكىمىيەت دەۋرى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن Ⅵ ئەسىرگىچە) ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىندىئانلارنىڭ ئازتېك ئىتتىپاقى (ⅩⅣ ئەسىر ئۆپچۆرىسىدە) قاتارلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلى ئاپپاراتى ھەربىي ئىشلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان روھ ۋە دېموكراتىيە پرىنسىپلىرىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى دۆلەت ئورگىنىغا ئوخشىمايدۇ دەپ ھېسابلىغان. شۇڭا ئۇ ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى دەپ ئاتىغان. ئېنگېلس ئۆزىنىڭ «ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى» دېگەن ئەسىرىدە بۇ ئىبارىنى قوللانغان ھەمدە ئۇنى ئىلمىي ئاساستا شەرھلەپ، ياۋايىلىق دەۋرىدىن مەدەنىيەت دەۋرىگە ئۆتۈش مەزگىلىدىكى پۈتكۈل ئۆتكۈنچى دەۋرنىڭ خۇسۇسىيىتىنى بايان قىلىپ بەرگەن. ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمىدە ئومۇميۈزلۈك ئۈچ خىل ئاپپارات — يەنى: ئاقساقاللار كېڭەشمىسى، مەسىلەن: يۇناندىكى بۇلې (boule)، رىمدىكى سىنات؛ ھەربىي يولباشچىلار (باش قوماندان) مەسىلەن: يۇناندىكى باسېلېۋس، رىمدىكى رېكىس؛ خەلق يىغىنى، مەسىلەن، يۇناندىكى ئاگورا(agora)، رىمدىكى كۇرىيە يىغىنى مەۋجۇت بولغان. ئاقساقاللار كېڭەشمىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەربىي يولباشچىلار ئادەتتە سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىپ، پۇقرالاردىن تەركىب تاپقان خەلق يىغىنى يەنىلا خېلى ھوقۇققا ئىگە بولۇپ، ئومۇمەن مەلۇم دەرىجىدە ئۇرۇقداشلىق دېموكراتىيە پرىنسىپلىرىنى ساقلاپ كەلگەن. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئاپپاراتلار روشەن ھالدا ھەربىي تەشكىلاتلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولغان، ئۇرۇش ۋە ھەربىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئۇلارنىڭ ئاساسلىق، دائىملىق فۇنكسىيىسى بولغان. بەزى ئالىملار ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ، كېيىنكى تەرەققىيات داۋامىدا راۋاجلىنىپ پەيدىنپەي دۆلەت ئورگىنىغا ئايلانغان، ئۇنىڭ تەشكىلىي شەكلىمۇ دەسلەپكى مەزگىلدىكى دۆلەت ئىچىدە ئۇزاق مۇددەت ساقلىنىپ كەلگەن، دەپ قارايدۇ. 

ھەربىي رايون تۈزۈمى

  • ھەربىي رايون تۈزۈمى[يەشمىسى:]»ھەربىي رايون يۇنانچە Theme (ئاھاڭ تەرجىمىسى سېم) بولغاچقا «سېم تۈزۈمى» دەپمۇ ئاتالغان. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەربىي-مەمۇرىي تۈزۈمى. مىلادى Ⅵ ئەسىردە، ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىتالىيە ۋە شىمالىي ئافرىقىدا ھەربىي رايون قۇرۇپ، ئۇنى ئەسلىدىكى مەمۇرىي رايوننىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ھەربىي باشلىقلار شۇ رايوننىڭ ھەربىي ۋە ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى تۇتقان. مىلادى Ⅷ - Ⅶ ئەسىرلەردە، ئىمپېرىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ خىل ھەربىي رايونلار ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلغان، Ⅹ ئەسىردە ھەربىي رايون تۈزۈمى تازا ئەۋج ئالغان. ھەربىي رايوندىكى قىسىملار ئاساسەن شۇ يەرنى مۇداپىئە قىلىشقا ئىشلىتىلگەن. ئەسكەرلەر ئۈلۈشلۈك يەرگە ئىگە بولغان ئەركىن دېھقانلاردىن تەشكىل تاپقان، ئۈلۈشلۈك يېرىگە ۋارىسلىق قىلىشقا بولغان، ئۇلار ئەسكەر بولۇشتىن باشقا يەنە دۆلەتكە يەر بېجى تاپشۇرغان. ھەربىي رايون تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، ھەربىي ئىشلار بىلەن دېھقانچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىمپېرىيىنىڭ ھەربىي ئىشلار ھالىتىنى بىر مەزگىل ياخشىلىغان. بىراق Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، دېھقان ئەسكەرلەرنىڭ تۈركۈملەپ ۋەيران بولۇشى ۋە يەرلىك فېئودال كۈچلەرنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن ھەربىي رايون تۈزۈمى پەيدىنپەي تاشلىنىپ قېلىپ، ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئەھمىيىتىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان. 

ھەربىي كاپالەت

  • ھەربىي كاپالەت[يەشمىسى:]» چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ مالىيە تۈزۈملىرىدىن بىرى. كورىيە دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، تەمىنات دەپ ئاتالغان، تەپسىلىي ئەھۋالى نامەلۇم. 1397-يىلى (تەيزۇنىڭ 6-يىلى) لى سۇلالىسى، كورىيە سۇلالىسىنىڭ كونا تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپ، مۆمىن پۇقرالاردىن يېشىغا يەتكەن ئەرلەر ئەمگەك ياكى مال-مۈلۈك ئارقىلىق ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرگە ياردەم بېرىشى كېرەك، دەپ بەلگىلىگەن. بۇ خىل تۈزۈم دەسلەپتە تەمىنات دەپ ئاتالغان، 1465-يىلى (شىزۇنىڭ 11-يىلى) ھەربىي كاپالەت دەپ ئۆزگەرتىلگەن. ھەربىي كاپالەتچى ئەسكەرلىككە ئېلىنغانلارنىڭ يېرىنى تېرىپ بېرىشى ھەمدە مال-مۈلۈك ياردەم قىلىشى كېرەك بولۇپ، بۇ ماددىي تەمىنات دەپ ئاتالغان، تەمىنات ھەققى، ئەمگەك ھەققى دەپمۇ ئاتالغان. ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقانلارنىڭ ھەربىي كاپالەتچىلىرىنىڭ ئادەم سانى، ئادەتتە ئىككى ئەسكەرگە بىر كاپالەتچى، بىر چەۋەندازغا ئىككى كاپالەتچى قىلىپ بەلگىلەنگەن، بۇ خىل تۈزۈم ھۆكۈمەت مەھكىمە ئەمەلدارلىرى ئىچىدىمۇ يولغا قويۇلغان. 1469-يىلى (رۇزۇڭنىڭ بىرىنچى يىلى) دىكى «دۆلەتنى باشقۇرۇش بۈيۈك قانۇنى» دا، ھەربىي كاپالەتچىنىڭ ياردەم قىلىدىغان پۇل ۋە مال-مۈلكى ئېيىغا بىر ئادەمنىڭ بىر توپ پاختا رەخت بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. لېكىن تۈتۈن باشلىقلىرى (ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر) ھەربىي كاپالەتچىلەرگە خۇددى قۇللارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلغان، پارىخور ئەمەلدارلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ قانۇنسىز ھالدا قاقتى-سوقتى قىلغان، ياردەم ئەمگىكى بىلەن ماددىي تەمىنات سانىنى ئاشۇرۇپ ئالغان. 1516-يىلى (جوڭزۇڭنىڭ 11-يىلى) تاپشۇرۇلىدىغان رەخت ئىككى توپقا ئۆزگەرتىلگەن. 1752-يىلى(يىڭزۇنىڭ 28-يىلى) سېلىقنى تەڭشەش قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كاپالەت رەختىنىڭ يېرىمى كېمەيتىلگەن ھەمدە ئالتە كۈرە گۈرۈچ تاپشۇرىدىغان بولغان، گۈرۈچ ئورنىغا پۇرچاق ياكى سۆك تاپشۇرۇلۇپ، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا گۈرۈچ كاپالىتى، سۆك كاپالىتى، پۇرچاق كاپالىتى، رەخت كاپالىتى، ئوتۇن-ياغاچ كاپالىتى قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. 1871-يىلى (گاۋزۇڭنىڭ 8-يىلى) ھەربىي رەخت بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 

ھەربىي لازىمەتلىك رەخت

  • ھەربىي لازىمەتلىك رەخت[يەشمىسى:]»چاۋشيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى مالىيە تۈزۈملىرىدىن بىرى. لى سۇلالىسى مۆمىن پۇقرالىق سالاھىيىتى بولغان ئاھالىلەر ئىچىدىن ئەسكەر ئېلىشنى بەلگىلىگەن، لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، مالىيە كىرىمىنىڭ يېتىشمەسلىكىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، ئەسكەر بولۇشقا تېگىشلىك بولۇپ ئەسكەرلىككە ئېلىنماي قالغان ياراملىق يىگىتلەرنىڭ رەخت تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان، بۇ ھەربىي لازىمەتلىك رەخت دەپ ئاتالغان. بۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ يۈكى ئېغىرلاشقان، ھەرقايسى جايلاردىكى دېھقانلار پايدىسىغا ھەربىي لازىمەتلىك رەخت تاپشۇرۇش ئۈچۈن قەبىلىلەر بويىچە سەرمايە چىقىرىپ جامائەت ئىشلىرىنى يولغا قويۇپ، ھەربىي لازىمەتلىك رەخت ئۇيۇشمىسى دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە تەشكىلاتلارنى قۇرغان. 1871-يىلى (گاۋزۇڭنىڭ 8-يىلى) ھەربىي لازىمەتلىك رەخت بىلەن ھەربىي تەمىنات تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى نوپۇس بېشىغا ئىككى سەر رەخت پۇلى ئېلىش ئىگىلىگەن. 

ھەربىيلەر پارتىيىسى

  • ھەربىيلەر پارتىيىسى[يەشمىسى:]»ئاۋسترىيە مىلىتارىستلىرىنىڭ ئەكسىيەتچىل گۇرۇھى. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق كاتتىبېشى ئاۋسترىيە ۋەلىئەھدىسى فرانتىس فېردىناند قاتارلىقلار. ئىچكى جەھەتتە ئىمپېرىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ۋەزىيەتنى تەرتىپكە سېلىپ، ئاۋسترىيە،ۋېنگرىيە،كرودىيە(كرودىيە-چېخ) قاتارلىق ئۈچ مەنبەلىك تۈزۈمدىكى پادىشاھلىق قۇرۇشتىن ئىبارەت. «ئۈچ دۆلەت بىرلىشىش لايىھىسى» نى قوللاش ئارقىلىق ۋېنگرلارنىڭ سىياسىي تەسىرى كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىمەكچى بولغان. سىرتقا قارىتا گېرمانىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويغان. سېربىيىگە قارىتا ئاۋۋال قول سېلىپ ئۇرۇش قىلىش، ھەتتا ئىتالىيىگىمۇ كەسكىن ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۇنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىدىكى تەسىر دائىرىسىنى تارتىۋېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ سەۋەبتىن، 1908-يىلى بوسنىيە كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ 1911-يىلى ۋە 1912-يىللىرىدىكى بالقان ئۇرۇشىغا قول تىقىپ، ئېغىر خەلقئارالىق جىددىي ۋەزىيەتنى پەيدا قىلغان. 1914-يىلى سارايېۋو ۋەقەسى تۈپەيلىدىن، گېرمانىيە بىلەن بىرلىكتە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 

ھەربىيلەر ئىتتىپاقى

  • ھەربىيلەر ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]»گرېتسىيە بۇرژۇئا مىللەتچىلىك تەشكىلاتى. 1908-يىلى كورۇل گېئورگېⅠنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان، دۆلەتنىڭ مالىيە ۋە مۇداپىئە كۈچىنى كۈچەيتىشنى تەرغىپ قىلغان. 1909-يىلى گارنىزون قىسىملىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئافىنادا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 1911-يىلى ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەن. 

ھەرقايسى ئەللەر پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى

  • ھەرقايسى ئەللەر پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]»ئەسلى نامى «ھەرقايسى ئەللەرنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى». 1889-يىلى 6-ئايدا ئەنگلىيە، فرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، پارىژدا قۇرۇلغان. 1922-يىلى نامى ھازىرقىغا ئۆزگەرتىلگەن. مەقسىتى: ھەرقايسى ئەللەر پارلامېنتلىرى ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا بىرلىشىپ، ئورتاق ھەرىكەت قىلىش ھەمدە ئۆزلىرى قاراشلىق دۆلەتلەرنى دېموكراتىك تۈزۈمنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەمدە خەلقئارا تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق ئىشلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە تولۇق قاتناشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ھەر يىلى باھار ۋە كۈزدە ئىككى قېتىم يىغىن ئاچىدۇ. 1984-يىلغىچە 71 قېتىم يىغىن ئېچىلغان. باش شتابى جەنۋەدە بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەر 100 گە يەتكەن (1984). 

ھەرىكەت پارتىيىسى

  • ھەرىكەت پارتىيىسى[يەشمىسى:]»1853-يىلى ماززىنى ئىتالىيىدە قۇرغان مەخپىي تەشكىلات بولۇپ، مەقسىتى پۈتۈن ئىتالىيىنىڭ مۇستەقىللىكى ۋە بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ھەرقانداق بەدەلگە قارىماستىن دەرھال ئىتالىيىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت. 1853— 1856-يىللىرى مەزكۇر تەشكىلات ئىتالىيىنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىدا بىرقاتار قوزغىلاڭلارنى ئۇيۇشتۇرغان. 1857-يىلى يەنە پىساكانېنىڭ جەنۇبىي ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلىشىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن تەسىرى ئاجىزلاپ كەتكەن ھەمدە ماززىنىچىلار ئىچكى قىسىمدىن بۆلۈنۈپ كەتكەن. 

ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقى

  • ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]»خەلقئارا خاراكتېردىكى ئىشچىلارنىڭ مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتى. ئەسلىدە گېرمانىيە سىياسىي سەرگەردانلىرىنىڭ مەخپىي تەشكىلاتى «سەرگەردانلار ئىتتىپاقى» ئىچىدىن بۆلۈنۈپ چىققان رادىكال دېموكراتچىلاردىن تەشكىللەنگەن. 1837-يىلى پارىژدا رەسمىي قۇرۇلغان. ئەزاسىنىڭ زور كۆپچىلىكى قول سانائەتچىلەر. ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋېلھېلم (Weitling Wilhelm)، شاپپىر (Schapper Karl) قاتارلىقلار. يېتەكچى ئىدىيىسى ۋېلھېلمنىڭ خىيالىي كوممۇنىزمى، كېيىنچە «ھەقىقىي سوتسىيالىزم» ۋە پرودونىزمنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. فرانسىيىدىكى بابېئوفچىلار ۋە بلانكچىلار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتتە بولغان. ئۇنىڭ مەقسىتى ھەممە ئادەمنى ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكتىن بەھرىمەن قىلىشتىن ئىبارەت. ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ سۇيىقەستچىلىكى ئارقىلىق گېرمانىيىدە كوممۇنىزم جەمئىيىتىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1839-يىلى 5-ئايدا، پارىژدا بلانكى رەھبەرلىك قىلغان «تۆت پەسىل جەمئىيىتى» نىڭ سۇيىقەستلىك قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، تەشكىلاتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. 1840-يىلى رەھبەرلىك مەركىزى لوندونغا يۆتكىلىپ، پائالىيەت دائىرىسى كېڭىيىپ، خەلقئارالىق تەشكىلاتقا ئايلانغان. ماركس، ئېنگېلسلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا تار مەزھەپچىلىك ۋە ۋېلھېلمنىڭ خىيالىي كوممۇنىزم ئىدىيىسىنى تەدرىجىي يەڭگەن. 1847-يىلى 2-ئايدا ماركس بىلەن ئېنگېلس ئىتتىپاق مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىتتىپاققا قاتناشقان. 6-ئايدا «كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى» غا ئۆزگەرتىلگەن. 

ھەققانىي نىزام

  • ھەققانىي نىزام[يەشمىسى:]»1293-يىلى ئىتالىيىنىڭ فلورېنسىيە شەھىرىدىكى چوڭ سودا-سانائەتچىلەر فېئودال ئاقسۆڭەكلەر ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن تۈزگەن نىزام. ئەينى ۋاقىتتا فلورېنسىيىدە چوڭ سودا-سانائەتچىلەر قۇرغان چوڭ كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىدىن يەتتىسى، قول سانائەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن ئوتتۇرا، كىچىك كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىدىن 14 ى بار ئىدى. نىزامدا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھاكىمىيەتكە ئارىلىشىشى مەنئى قىلىنىدۇ؛ چوڭ كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى ۋەكىلىدىن يەتتە نەپەر ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كەسىپداشلار ئۇيۇشما ۋەكىلىدىن ئىككى نەپەر ئادەم قاتناشقان ئاقساقاللار كېڭىشى تەشكىل قىلىنىپ، ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان قىلىنىدۇ، يولباشچىسى «ھەققانىيەت بايراقدارى» (Gonfaloniere della giustizia) دەپ ئاتىلىدۇ؛ خەلق ئەسكەرلىرىمۇ ئۇنىڭ قوماندانلىقىدا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن چوڭ سودا-سانائەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ فلورېنسىيىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەپ، ياللانما ئىشچى، نىمكار ھەمدە ئۇششاق قول ھۈنەرۋەنلەرنى خالىغانچە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغان. 

ھەقىقىي تەڭ تەقسىماتچىلار

  • ھەقىقىي تەڭ تەقسىماتچىلار[يەشمىسى:]»يەنى «يەر قازغۇچىلار».

ھەقىقىي سوتسىيالىزم

  • ھەقىقىي سوتسىيالىزم[يەشمىسى:]»«گېرمانىيىنىڭ سوتسىيالىزمى» ياكى «پەلسەپىۋى — ساپ ئەدەبىي سوتسىيالىزم» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى گېرمانىيە ئۇششاق بۇرژۇئازىيە سوتسىيالىزمى پىكىر ئېقىمى. ئۇ گېرمانىيە ئىدېئالىستىك پەلسەپىسىنى ئاساس قىلغان سوتسىيالىزمنى «گېرمانىيىنىڭ»، «ھەقىقىي» سوتسىيالىزمى دەپ ماختىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەكىللىرى: خېس (Moses Hes، 5781 - 2181)، لۇنىڭ (Otto Luning، 8681 - 8181)، گرۇن ۋە كرېيگىر قاتارلىقلار. 1844-يىلى 9-ئايدا «كوممۇنىزم كۇلۇبى» تەشكىل قىلغان، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي بېرلىنچىلار، ساكسىنچىلار، ۋېستىفالىيىچىلەر قاتارلىقلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. گېرمانىيە چاكىنا مىشچانلار قاتلىمىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. ئۇنىڭ نەزەرىيىسىنىڭ يادرولۇق ئىدىيىسى فېييېرباخنىڭ ئانتروپولۇگىزمى ۋە پرودوننىڭ ھۆكۈمەتسىزلىكىدىن ئىبارەت. ئۇ ئادەمنىڭ «ھەقىقىي» ماھىيىتىنى مەنىۋى ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئازادلىقىغا يېتىشىنى، سوتسىيالىزمنى «ئادەمگەرچىلىككە سىڭدۈرۈش» نى تەشەببۇس قىلغان. گېرمانىيىدە كاپىتالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، پاترىئارخالچە ئۇششاق يەر مۈلۈكچىلىكىنى پەردازلىغان. پرولېتارىياتنىڭ سىياسىي كۈرىشىگە ۋە بۇرژۇئا دېموكراتىك ھەرىكىتىگە قارشى تۇرغان، شۇنداقلا سوتسىيالىزمچىلارنى تار مىللىي كەيپىيات ۋە شوۋىنىزم بىلەن زەھەرلىگەن. ماركس بىلەن ئېنگېلس «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»، «كرىكېگە قارشى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۇنى تەنقىد قىلغان. 1848-يىلىنىڭ باشلىرىدا پارچىلىنىپ كەتكەن. «ئىجتىمائىي ئەينەك»، «تريېر گېزىتى»، «ۋېستىفالىيە پار كېمىسى»، «رېين يىلنامىسى»، «گېرمانىيە پۇقرالىرى قوللانمىسى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللارغا ئىگە بولغان. 

ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى

  • ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى[يەشمىسى:]» پۇقرالارنىڭ بويسۇنماسلىق ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گەندى رەھبەرلىكىدىكى ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى. 1920-يىلى 9-ئايدا خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ كالكۇتتا يىغىنىدا، گەندى تۈزگەن ھەمكارلاشماسلىق پروگراممىسى تەستىقلانغان. ئاساسىي مەزمۇنى: قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، سوت، مەكتەپلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىش، ئائىلە قول ھۈنەر توقۇمىچىلىقىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەنگلىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىش؛ دۆلەتلىك ۋەزىپىلەرنى بايقۇت قىلىپ، ھۆكۈمەت بەرگەن نام-شەرەپ ۋە پەخرىي ۋەزىپىلەرنى رەت قىلىش ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئاساسىي پرىنسىپى زوراۋانلىق ھەرىكەت قىلماسلىق. شۇ يىلى 12-ئايدا خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ ناگپۇر يىللىق يىغىنىدا ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش قارارى چىقىرىلىپ، كۈرەشنىڭ نىشانى «سىۋاراج» (ئاپتونومىيە) دەپ جاكارلانغان. پۈتۈن ھىندىستاندا دەرھاللا بىرىنچى قېتىملىق ئەنگلىيىگە قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن ھەمكارلاشماسلىق كۈرىشى قوزغىلىپ، ئىش تاشلاش، بازار تاشلاش، دەرس تاشلاش پائالىيىتى، يىغىلىشلار ۋە نامايىشلار ھەرقايسى جايلاردا ئەۋج ئالغان. 1922-يىل 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى چاۋرى-چاۋدا ۋەقەسىدىن كېيىن، خەلق كونگرېسى پارتىيىسى باردورى قارارىنى چىقىرىپ، بىرىنچى قېتىملىق ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى توختاتقان. گەندى 1930-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى داندىغا يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ئاشتۇزىنى مەخسۇس سېتىش نىزامىغا قارشى تۇرۇشنى مەركەز قىلغان مەملىكەت مىقياسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. پېشاۋۇر (ھازىرقى پاكىستانغا تەۋە)، كېداھ پورتى (ھازىر بېنگالغا تەۋە)، شۇلاپۇر قاتارلىق جايلاردا قوزغىلاڭ پارتلىغان.1931-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى «گەندى-ئىرۋىن كېلىشىمى» ئىمزالىنىپ ئىككىنچى قېتىملىق ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى يەنە بىر قېتىم ئۈزۈلۈپ قالغان. كېيىن گەندى يەنە 1932-، 1940-ۋە 1942-يىللىرىدا كۆپ قېتىم ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى قوزغاشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆلىمى ۋە تەسىرى چوڭ بولمىغان. 

ھەمكارلىق

  • ھەمكارلىق[يەشمىسى:]» ئەمگەكنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش شەكلى. ئاددىي ھەمكارلىق ۋە مۇرەككەپ ھەمكارلىق دەپ ئايرىلىدۇ. ئاددىي ھەمكارلىق بارلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئورتاق ئەمگەك جەريانىدا، ئوخشاش خىلدىكى مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئوخشاش بىر خىل قۇرۇلۇش ياكى ئىش تەرتىپىنى ھەمكارلىشىپ تاماملىشىنى كۆرسىتىدۇ. مۇرەككەپ ھەمكارلىق بولسا ئىش تەقسىماتى ئاساسىي ئۈستىگە قۇرۇلغان ھەمكارلىشىپ ئەمگەك قىلىشتىن، ئالايلۇق، كۆپلىگەن كىشىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىش تەرتىپى بىلەن ئايرىم-ئايرىم شۇغۇللىنىپ، بىر خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت. ھەمكارلىق ئارقىلىق ئەمگەك ۋاقتىنى قىسقارتىپ، ئەمگەكنىڭ ماكان دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىقتىساد قىلىپ، مۇرەككەپ ئەمگەك جەريانىدا،ئەمگەك ۋە قورال-سايماننى مەخسۇسلاشتۇرۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىر خىل يېڭى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. ھەمكارلىق جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭ خاراكتېرى ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرغان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىغا باغلىق بولىدۇ. ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ ھەمكارلىقى، ئىپتىدائىي جامائە مۈلۈكچىلىكى ئاساسىغا قۇرۇلغان، ئۇرۇق ئەزالىرى ئارىسىدىكى باراۋەر، ئۆزئارا ياردەم قىلىدىغان ھەمكارلىقتىن ئىبارەت. قۇللۇق ۋە فېئوداللىق جەمئىيەتتىكى ھەمكارلىق، قۇلدارلار ۋە فېئوداللار مۈلۈكچىلىكىنى ۋە قۇل ھەم دېھقانلارنى قۇللۇققا چۈشۈرۈشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، قول سانائەت، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ۋە سۇ ئىنشائاتى قاتارلىق غايەت زور قۇرۇلۇشلاردا كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇلغان. كاپىتالىستىك ھەمكارلىق ياللانما ئەمگەكنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، كاپىتالىستىك ئاددىي ھەمكارلىق، ئىشخانا قول سانائىتى ۋە چوڭ زاۋۇت قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ياراتقان. سوتسىيالىستىك ھەمكارلىق سوتسىيالىستىك ئومۇم مۈلۈكچىلىك ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى باراۋەرلىك، ئۆزئارا ياردەم قىلىش مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلىپ، تاۋار ئىگىلىكىدە تېخىمۇ زور ئەۋزەللىكنى نامايان قىلماقتا. 

ھەيدەر ئەلى

  • ھەيدەر ئەلى[يەشمىسى:]»(Hyder Ali ياكى Haidar Ali، 1722 — 1782) جەنۇبىي ھىندىستان مىيسورې شتاتىدىكى ئىسلام دىنى ھۆكۈمرانى. 1750-يىلى 200 ئەسكەرنى باشلاپ مىيسورې قوشۇنلىرىغا قوشۇلغان.1755-يىلى دىندىگۇل (Dindigul) قورغانىنىڭ باشلىقى بولغان. 1759-يىلى مىيسورې ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. ئىككىنچى يىلى مىيسورېنىڭ باش ۋەزىرى نانجاراجنى (Nanjaraj) ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر قىلىپ، راجاننى نەزەربەند قىلىپ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىگەن. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، ئوردىدىكى سۇيىقەستنى باستۇرغان، جاگىردار تۈزۈمىنى بىكار قىلغان، پايتەختنى سېلىنگا بادەنگە كۆچۈرگەن، ياۋروپالىق ئوفىتسېرلارنى يۇقىرى مائاش بىلەن تەكلىپ قىلىپ ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلغان. 1761 — 1764-يىللىرى سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ بىدنۇر (Bidnur) ۋە كانارا (Canara) قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرغان. 1765-يىلى ماتارالىقلاردىن يېڭىلىپ قېلىپ، يەر بۆلۈپ بېرىش، پۇل تۆلەش بىلەن سۈلھ قىلغان. ئىككى قېتىم مىيسورېدىكى ئارمىيە ۋە خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ ئەنگلىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى تىپو سۇلتان ۋارىسلىق قىلغان. «مىيسورې ئۇرۇشى» غا قاراڭ.

ھەيدەرخان

  • ھەيدەرخان[يەشمىسى:]»(-Haydar Khan Amjolle، ؟ 1291 -) ئىران كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ (ئىران خەلق پارتىيىسىنىڭ تەكتى) قۇرغۇچىسى ۋە رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئىلگىرى باكو نېفىتلىكىدە ۋە تېھران ئېلېكتر ئىستانسىسىدا ئىشلىگەن. 1191 — 5091-يىللىرىدىكى ئىران بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى ۋە تەبرىز قوزغىلىڭىغا (1908 — 1909) قاتناشقان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. كېيىن چەت ئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1916-يىلى روسىيىدە ئىران ئادالەت پارتىيىسىنى قۇرغان. 1920-يىلى ئادالەت پارتىيىسىنى كوممۇنىستىك پارتىيىگە ئۆزگەرتكەن. 1920 — 1921-يىللىرى ئىراننىڭ شىمالىدىكى گىلان (Gilan) رايونىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلغان. 1921-يىلى 9-ئايدا كۈچىك خان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 

ھرانوكونىئومى

  • ھرانوكونىئومى[يەشمىسى:]»(1828— 1864) ياپونىيە توكۇگاۋا شوگناتلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى پادىشاھنى ھۈرمەت قىلىپ، ياتلارنى چەتكە قېقىش مەزھىپىنىڭ ئىرادىلىك ئادىمى. فوكوئۇكا ۋاسساللىقىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ياساۋۇلى. ئادەتتە كەنجى (ئىككىنچى) ئەزىمەتمۇ دېيىلىدۇ. لەقىمى دۇشىن شۈەن. دەسلەپتە پادىشاھنى ھۈرمەتلەپ، ياتلارنى چەتكە قېقىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1858-يىلى ۋاسساللىق تەۋەلىكىدىن ئايرىلىپ، كيوتوغا كېلىپ پائالىيەت قىلغان. ئەنجىڭ يىللىرىدىكى ئەنسىزلىك ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن كيوشۇ تەرەپلەردە ئايلىنىپ يۈرۈپ، شۇ جايدىكى پادىشاھنى ھۈرمەتلەپ، ياتلارنى چەتكە قېقىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. شۇ جەرياندا «پادىشاھنى ھۈرمەتلەپ ياتلارنى چەت قېقىش پارچە خاتىرىلىرى» نى يازغان. 1862-يىلى كيوتوغا كەلگەن، شى تيەنۋۇ ۋەقەسىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، فوكۇكا ۋاسساللىقى تۈرمىسىگە قامالغان. 1863-يىلى (ۋىنجۇ 3-يىلى) قويۇپ بېرىلگەندە، كيوتوغا قايتا كىرىپ، ئۆگىنىش ئىنستىتۇتىدا ئەمەل تۇتۇپ، شوگناتنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى (شەمسىيە 8-ئاينىڭ 18-كۈنى) دىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ناگاكاۋاغا كەتكەن. 11-ئايدا (شەمسىيە 10-ئايدا) ئىكونۇ (ھىيوگۇ ناھىيىسى) دە قوشۇن تارتىپ ۋەزىر زېشۈەنجا(1835 — 1873)نى قوللىغان، مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ تۈرمىگە تاشلانغان. جىن مېن ئۆزگىرىشى بولغاندا ئۆلتۈرۈلگەن. 

ھروزنىي

  • ھروزنىي[يەشمىسى:]»(Bedrich Hrozny، 2581 — 9781) چېخىيىلىك ئارخېئولوگ ۋە تىلشۇناس، ياش ۋاقتىدا پراگا، ۋېنا، بېرلىن ۋە لوندون قاتارلىق جايلاردا ئوقۇغان. 1905 — 1919-يىللىرى ۋېنا داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان، 2591 — 9191- يىللىرى پراگا داشۆسىدە قەدىمكى شەرق تارىخى ۋە مىخ يېزىق تەتقىقاتى بويىچە پروفېسسور بولغان. 1915-يىلى ھىتت تىلىدىكى مىخ يېزىق ۋە تەسۋىرىي يېزىقنى بىرىنچى بولۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك يەشكەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ھىندىستاننىڭ ئەڭ قەدىمكى يېزىقى ۋە مىكېناي يېزىقىنى ئوقۇپ چۈشەندۈرۈشكە كىرىشكەن. ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن «ھىتت تىلى»، «بوگازكىيىندىن قېزىپ چىقىلغان ھىتت مىخ يېزىقىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى»، «كىچىك ئاسىيادىن قېزىپ چىقىلغان ھىتت قانۇنى»، «غەربىي ئاسىيا، ھىندىستان ۋە كىرىتنىڭ ئەڭ قەدىمكى تارىخى» قاتارلىقلار بار. 

ھوتوندۇ ئىتتىپاقى

  • ھوتوندۇ ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]»يەنى «بۈلوۋ ئىتتىپاقى». 

ھوجوتوكىمۇنې

  • ھوجوتوكىمۇنې[يەشمىسى:]»(1251— 1284)ياپونىيە كاماكۇرا شوگۇنلۇقىنىڭ 8-ھۆكۈمدارى. ھوجو توكىيورىنىڭ ئوغلى. ئادەتتە ساگامى تارو دەپ ئاتىلىدۇ. 1268-يىلى شوگۇنلۇقنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپ، 16 يىل ھۆكۈم سۈرگەن. 1268 — 1270-يىللىرى قۇبلايخان ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنىڭ ئولپان تاپشۇرۇش توغرىسىدىكى تەلىپىنى بەش مەرتەم رەت قىلغان. 1274-يىلى (ياپونىيە ۋېنيۇڭ 11-يىلى، يۈەن سۇلالىسى جيۈەن 11-يىلى) يۈەن سۇلالىسى ئارمىيىسى ياپونىيىگە باستۇرۇپ كىرگەندە كىيۇشۇ سامورايلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە شىمالىي كىيۇشۇ قىرغاقلىرىدا تاش قورغانلار قۇرۇپ (بۇلارنىڭ ئىزلىرى ھازىرمۇ بار)، قەتئىي قارشىلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق يۈەن سۇلالىسى ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان (تارىختا بۇ ئۇرۇش «ۋېنيۇڭ ئۇرۇشى» دەپ ئاتىلىدۇ). 1279-يىلى (ياپونىيە خۇڭئەن 2-يىلى، يۈەن سۇلالىسى جيۈەن 16-يىلى) يۈەن سۇلالىسى ئۇنى خاقانلىققا ئولپان تاپشۇرۇشقا يەنە بىر قېتىم قىستىغان. توكىمۇنې كەلگەن ئەلچىلەرنى كاماكۇرادا ئۆلتۈرۈۋېتىپ قەتئىي رەت قىلغان. يۈەن سۇلالىسى ئارمىيىسى 1281-يىلى ياپونىيىگە يەنە بىر قېتىم تاجاۋۇز قىلغان. بۇ قېتىمدا تەيفېڭ بورىنىغا ئۇچراپ ئۇرۇشماي تۇرۇپ يېڭىلگەن (بۇ ئۇرۇش تارىختا «خۇڭئەن ئۇرۇشى» دەپ ئاتىلىدۇ). ھوجو توكىمۇنې بۇددا دىنى دىيانا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان. 1279-يىلى سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دىيانا مەزھىپى راھىبى ۋۇشۆزۇ يۈەن (1226 — 1286) نى ياپونىيىگە تەكلىپ قىلىپ ئۇستاز تۇتقان. 1282-يىلى يۈەنجۆ بۇتخانىسىنى قۇرۇپ، سامۇرايلارنىڭ دىيانا مەزھىپىگە قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىشتەك كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرگەن. 

ھوجوسوئۇن

  • ھوجوسوئۇن[يەشمىسى:]»(1432 — 1519) ياپونىيىنىڭ يېغىلىق دەۋرىدىكى فېئودال يەر ئىگىسى. كىيوتولۇق ئىسې جەمەتىدىن بولۇپ، ئۆزىنى ئىسې شىنكوروناگائۇجى دەپ ئاتىغان. لەقىمى زۇڭرۇي. سۇرۇگا (ھازىرقى شىزۇئوكا ناھىيىسى) باش ۋالىيسى ئىماگاۋا يۇشىنىڭ خوتۇنى ئۇنىڭ ئاچىسى بولغانلىقتىن، ئۇ ئىماگاۋا ئائىلىسىدە تۇرغان. ئۇ ئىماگاۋا جەمەتىنىڭ ئىچكى ماجىراسىنى ياراشتۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن شىڭگو بۇتخانىسىنىڭ خوجىدارى بولغان. 1491-يىلى نىراياما شەھىرىنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن ئۆزىگە «ھوجو» فامىلىسىنى بەرگەن. 1494-يىلى ئوداۋارا شەھىرىنى ھۇجۇم بىلەن ئىگىلەپ، ئۇ يەرنى تايانچ بازا قىلغان. 1516-يىلى مىئۇرا يوشىئاتىسۇنى يوقىتىپ، ساگامى (ھازىرقى كاناگاۋا ناھىيىسى)نى تىنچىتقان. ھوجوسو ئۇننىڭ «سۇئۇن قەسىرىنىڭ 21 ماددىلىق مىزانى) دەپ ئاتىلىدىغان ئائىلە مىزانى بار بولۇپ، يېغىلىق دەۋرىدىكى داڭلىق ئائىلە قانۇنلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. كاماكۇرا شوگۇنلۇقىدا ھوقۇق تۇتقان ھوجو جەمەتىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ھوجو سوئۇن جەمەتى «كېيىنكى ھوجۇلار» دەپ ئاتالغان. 

ھوجو جەمەتى

  • ھوجو جەمەتى[يەشمىسى:]» (1) ياپونىيىنىڭ كاماكۇرا دەۋرىدە ئەمەلىي ھوقۇقنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرغان دۆلەتمەن جەمەت. ھوجو توكماسا ئۆزىنىڭ كۈيئوغلى مىناموتويورىتوموتونىڭ قوشۇن تارتىپ تائىرا جەمەتىنى يېڭىشىگە ياردەملەشكەن ھەمدە كاماكۇرا شوگۇنلۇقنى (1192) قۇرغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ھوجو جەمەتى خاننىڭ خانىكە تەرەپ تۇغقانلىرى سالاھىيىتى بىلەن ئەۋلادتىن ئەۋلادقا «ھوقۇق تۇتۇش» قا قويۇلغان. ئۇلار شوگۇنلۇقنىڭ سىياسىتىنى تىزگىنلىگەن. رېنشو ۋەكالەتچىسى، كىيۇشۇ ۋەكالەتچىسى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىگىلىۋالغان. كاماكۇرا شوگۇنلۇقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە كەلگەندە پۈتۈن مەملىكەتتىكى باش ۋالىيلىق لاۋازىمنىڭ يېرىمىنى (تەخمىنەن 30 ىنى) ئىگىلىۋالغان. 1333-يىلى نىتتا يوشىسادا ئارمىيىسى كاماكۇراغا كىرگەندىن كېيىن، ھوجو جەمەتى بىلەن كاماكۇرا شوگۇنلۇقى تەڭلا گۇمران بولغان. (2) ياپونىيىنىڭ يېغىلىقلار دەۋرىدىكى كانتو دۆلەتمەن جەمەتلىرىدىن بىرى. 1494-يىلى ئىسې ناگائۇجى (سوئۇن) ئوداۋارا (ھازىرقى كاناگاۋا ناھىيىسى) غا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن ۋە بۇ يەردە تەسىر كۈچىنى كېڭەيتكەن. ئۇنىڭ ئوغلى ئۇجىتسۇنا ئۆزىنى ھوجو جەمەتى دەپ ئاتىغان. كاماكۇرا شوگۇنلۇقىدا «ھوقۇق تۇتقان» ھوجو جەمەتىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ جەمەت كېيىنكى ھوجو جەمەتى ياكى ئوداۋارالىق ھوجولار دەپ ئاتالغان. 

ھورنىك

  • ھورنىك[يەشمىسى:]»(Philipp Wilhelm Von Hornigk، 4171 — 0461) ئاۋسترىيىلىك ئىقتىسادشۇناس، سودا ئەلاچىلىقى تەرەپدارى. بېشېر(Johann Joachim Becher)، سىرودېر (Wilhlm Von Schroder) بىلەن بىللە ئاۋسترىيە بويىچە سودا ئەلاچىلىقىنىڭ «ئۈچ كاتتىبېشى» دەپ ئاتالغان. ئۇزۇن ۋاقىت ئوردا مەسلىھەتچىسى بولۇپ كەلگەن. 1684-يىلى «پەقەت ئاۋسترىيە خالايدىكەن، ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرالايدۇ» ناملىق كىتابتا ئاۋسترىيىنىڭ نامراتلىقى، قالاقلىقى ۋە ئوردىدىكىلەرنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئەت ئۈچۈن ساختىلىق قىلىش ئىستىلىنى پاش قىلغان. ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. دۆلەتنىڭ تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرىنى تولۇق ئېچىش، مەملىكەت ئىچىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چەت ئەللىك تېخنىكلارنى سانائەت ماھارىتىنى ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلىش، قىممەتلىك مېتاللارنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش، تاشقى سودىدا ئالتۇن-كۈمۈش، پۇل بېرىشنى مەنئى قىلىش، چەت ئەل تاۋارلىرىنى كىرگۈزۈشكە چەك قويۇش، يېڭى خەلقئارا بازارنى تېپىش قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك سودا ئەلاچىلىقى پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يۇقىرىقى پرىنسىپ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاۋسترىيە پادىشاھى يۆسىف Ⅰ ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم پروگراممىسى بولۇپ قالغان.

ھورۇن كورۇل

  • ھورۇن كورۇل[يەشمىسى:]» فرانسىيە كورۇللىقى مېروۋېن (Merovée) خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى بىرنەچچە ئەۋلاد كورۇللىرىغا كەمسىتىلىپ بېرىلگەن ئاتاق. مىلادى 157 — 936-يىللىرى، مېروۋېن خاندانلىقىنىڭ بىرنەچچە ئەۋلاد كورۇللىرى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشماي، ئۆز ھوقۇقىنى باشقىلارغا بېرىپ قويغاچقا، «ھورۇن كورۇل» دەپ ئاتالغان. بۇ ئارىلىقتا فرانك كورۇللۇقى ئاۋستراسىيە (Austrasia)، نېۋىستىرىيە (Neustria) ۋە بۇرگۇنددىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. ھەرقايسى رايونلاردىكى چوڭ ئاقسۆڭەكلەر ئايرىم-ئايرىم ساراي ۋەزىرلىرىنى كۆرسىتىپ، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرگەن. 751-يىلى ساراي ۋەزىرى پېپىن (پەتەك) ھوقۇقنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، كارولىن پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 

ھوسسىباخ مېموراندۇمى

  • ھوسسىباخ مېموراندۇمى[يەشمىسى:]» گىتلېرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى پىلانلىشى توغرىسىدىكى مەخپىي يىغىنى خاتىرىلەنگەن ماتېرىيال. گىتلېرنىڭ ئاديۇتانتى پولكوۋنىك ھوسسىباخ (Friedrich Hossbach) ئۇنى رەتلەپ چىققاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1937-يىل 11-ئاينىڭ 5-كۈنى گىتلېر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئۈچ ئارمىيىنىڭ قوماندانلىرىنى چاقىرىپ، زۇڭلى ئىشخانىسىدا مەخپىي يىغىن ئۆتكۈزگەن. گىتلېر يىغىندا ئۇزۇن سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغايدىغان ستراتېگىيىلىك پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى مۇنداق: گېرمانىيە ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان «ياشاش ماكانى» «ياۋروپا زېمىنىدە»، ئۇنى قورال كۈچى ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ؛ گېرمانىيە قورال كۈچىنى ئىشقا سالغاندا ئالدى بىلەن ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىگە تاقابىل تۇرۇش كېرەك، گېرمانىيىنىڭ ياشاش ماكانى مەسىلىسىنى ئەڭ كېچىككەندىمۇ 1943 — 1945-يىللاردا ھەل قىلىش كېرەك؛ غەربكە قارشى ئۇرۇش قىلغاندا يان تەرەپتىكى تەھدىتلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئاۋۋال چېخوسلوۋاكىيە ۋە ئاۋسترىيىنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىش كېرەك. ھوسسىباخ شۇ چاغدا خاتىرىلىگۈچى بولغان. يىغىندىن كېيىن ئۇنى رەتلەپ مېموراندۇم قىلىپ چىققان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىتتىپاقداش ئارمىيە مېموراندۇمنىڭ كۆچۈرمىسىنى تېپىۋالغان. 1946-يىلى نيورنبېرگ خەلقئارا ھەربىي سوت مەھكىمىسى بۇ ماتېرىيالنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ئۇنى ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغىغانلىقىنىڭ جىنايى دەلىل-ئىسپاتى قىلغان. 

ھوقۇق بېرىش قانۇنى

  • ھوقۇق بېرىش قانۇنى[يەشمىسى:]» يەنى «خەلقنى ۋە دۆلەتنى ئازابتىن قۇتقۇزۇش قانۇنى» ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ فاشىستىك مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەش قانۇنى. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، ھوقۇق بېرىش قانۇنىنى ئېلان قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1933-يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان. بۇ قانۇندا ھۆكۈمەتكە پارلامېنتنىڭ ۋە فېدېراتىپ كېڭەشنىڭ رازىلىقىنى ئالمايلا دۆلەت قانۇنى تۈزۈش ھوقۇقى بېرىلگەن؛ ھۆكۈمەتكە ئاساسىي قانۇنغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان قانۇنلارنى تۈزۈش ھوقۇقى بېرىلگەن؛ ھۆكۈمەتكە قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەيلا ئۆزى چەت ئەللەر بىلەن شەرتنامە ئىمزالاش ھوقۇقى بېرىلگەن؛ پارلامېنتنىڭ خام چوت لايىھىسىنى ماقۇللاش، ھۆكۈمەتنىڭ كرېدىت سىياسىتى ۋە زايوم سىياسىتىگە نازارەت قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى بەلگىلەنگەن ۋە باشقىلار. مۇددىتى تۆت يىل قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن، پارلامېنتنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھوقۇقى ۋە چەت ئەللەر بىلەن شەرتنامە تۈزۈش ھوقۇقى قاتارلىقلار ئىچكى كابىنېتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. «ۋېيمار ئاساسىي قانۇنى» ئەمەلىيەتتە بىكار قىلىنغان. 1937—1941-يىلى ناتسىستلار پارتىيىسى پارلامېنتنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ، مەزكۇر قانۇننىڭ مۇددىتىنى ئىككى قېتىم ئۇزارتقان. 

ھوقۇق قانۇن لايىھىسى

  • ھوقۇق قانۇن لايىھىسى[يەشمىسى:]»ئەنگلىيە «شەرەپلىك ئىنقىلابى» دىن كېيىن، 1689-يىلى 10-ئايدا پارلامېنت ماقۇللىغان مونارخىيىلىك ھوقۇققا چەك قويۇش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسى. ئۇنىڭدا جامېسⅡ نىڭ ھەر خىل مۇستەبىت قىلمىشلىرى ۋە ئەنگلىيە خەلقى بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي ھوقۇقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن سىرت، يەنە كورۇل پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ھەرقانداق قانۇننى كۈچتىن قالدۇرۇشقا بولمايدۇ، چېركاۋ ئىشلىرىغا ئائىت كومىتېت تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ، باج يىغىشقا ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ، دائىمىي ئارمىيە توپلاشقا ۋە ساقلاشقا بولمايدۇ؛ كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى ۋە كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى بىلەن قۇدا بولۇشقان كورۇل جەمەتلىرى كورۇللۇق تەختكە ۋارىسلىق قىلىشقا بولمايدۇ؛ پۇقرالاردا كورۇلغا تەلەپ قويۇش ھوقۇقى بولىدۇ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پارلامېنتتا ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ ۋە باشقىلار بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن لايىھىسى «شەرەپلىك ئىنقىلاب» نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوغداپ، بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى كاپالەتلەندۈرگەن. 

ھولباخ

  • ھولباخ[يەشمىسى:]»(Paul Henri Dietrich, baron d Holbach، 1723 - 1789) فرانسىيىلىك پەيلاسوپ، ئاقارتىش مۇتەپپەككۇرى. گېرمانىيىنىڭ رېين رايونىدىكى بىر سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا تاغىسى بىلەن بىللە پارىژغا كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1744-يىلى گوللاندىيىدىكى لېيدېن داشۆسىدە ئوقۇغان. 1748-يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن دىدېرو مۇھەررىرلىك قىلغان «ئېنىسكلوپېدىيە» تارماقلىرىنى يېزىشقا قاتناشقان. 1753-يىلى تاغىسىنىڭ مەرتىۋىسىگە، مال-مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلغان. خرىستىئان دىنى ۋە فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمىنى تەنقىد قىلىدىغان كۆپلىگەن نامسىز ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇ، تەبىئەت بىردىنبىر ئوبېيكتىپ مەۋجۇدىيەت، كائىناتنىڭ مەنبەسى؛ماددا بىلەن ھەرىكەت بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدۇ، ئىنسانلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى مېخانىكا قانۇنىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ، ھەممىسى مېخانىكىلىق سەۋەب-نەتىجە مۇقەررەرلىكىگە باغلىق بولىدۇ؛ ئادەمنىڭ بىلىشى تاشقى نەرسىلەرنىڭ سەزگۈ ئەزالارغا كۆرسەتكەن تەسىرىدىن كېلىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇ يەنە دىن — ھەممە يامانلىقنىڭ مەنبەسى، ئۇنىڭ رولى قۇل قىلىنغان خەلقنى ئەخمەق قىلىش، ھۆكۈمرانلارنىڭ نوپۇزىنى قوغداشتىن ئىبارەت، شەخسىيەتچىلىك — ئادەمنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتىدۇر؛ جەمئىيەت — تەبىئەتنىڭ مەھسۇلى، ئىجتىمائىيلىق — ئىنسانىيەت تەجرىبىسى ۋە ئەقلىي پائالىيەتنىڭ ھاسلىي نەرسىسىدۇر؛ ئىجتىمائىي توختام — دۆلەتنىڭ ئاساسى، ھەممە ئادەم رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك تۇرمۇش مىزانى. تەبىئىي ھوقۇق ئىچىدە ئەڭ مۇقەددەس بولغىنى — ئەركىنلىك، مال-مۈلۈك ۋە ئامانلىقتىن ئىبارەت دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن «پاش قىلىنغان خرىستىئان دىنى»، «تەبىئەت سىستېمىسى»، «تەبىئەت سىياسىي»، «ئىجتىمائىي سىستېما» قاتارلىقلار بار. 

ھولبېرگ

  • ھولبېرگ[يەشمىسى:]»(Ludvig Holberg،1684 — 1754) دانىيىلىك تارىخشۇناس، دراماتورگ. نورۋېگىيىدىكى بېرگېن شەھىرىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىلا ئاتا-ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەن. بېرگېن لاتىنچە مەكتىپى ۋە كوپېنھاگېن داشۆسىدە ئوقۇغان. كېيىن ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇزاققىچە ساياھەت قىلغان ۋە ئۆگەنگەن ھەمدە دانىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1730-يىلى كوپېنھاگېن داشۆسىدە جۇغراپىيە ۋە تارىخ پروفېسسورى بولغان. 1710-يىلدىن باشلاپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. تارىخىي جەھەتتە «ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تارىخى ھەققىدە سۆز بېشى»، «دانىيە پادىشاھلىقىنىڭ تارىخى» (3 توم) ۋە «بېرگېن خاتىرىسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. «ئالدىراش كىشىلەر»، «ئۆزگىرىشچان ئايال» قاتارلىق 26 كومېدىيىسى بولۇپ، دانىيىنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى دەپ تەرىپلەنگەن. 

ھولمېس

  • ھولمېس[يەشمىسى:]»(Oliver Wendell Holmes، 5391 - 1481) ئامېرىكىلىق سوتچى. قانۇنشۇناس. بوستوندا تۇغۇلغان. 1861-يىلى خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، شۇنىڭدىن كېيىنلا جەنۇب بىلەن شىمال ئۇرۇشىغا قاتناشقان ۋە پودپولكوۋنىكلىككە كۆتۈرۈلگەن. كېيىن خارۋارد قانۇن شۆيۈەنىگە قايتىپ ئوقۇغان.1866-يىلى بوستوندا ئادۋوكات بولۇپ ئىشلىگەن ھەمدە «ئامېرىكا قانۇن ئوبزورى» غا تەھرىر بولغان. 1882-يىلىدىن ئېتىبارەن خارۋارد قانۇن شۆيۈەنىنىڭ قانۇنشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. ئۇزاققىچە ماسسا چۇسېتىس شتاتلىق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى بولغان. 1899 — 1902-يىللىرى باش سوتچى بولغان. 1902 — 1932-يىللىرى ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى بولغان. سۇيىئىستېمالچىلىق كۆز قارىشىنى تەرغىپ قىلغان. قانۇن، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىش پائالىيىتىدە ئىپادىلىنىدۇ، بۇرژۇئازىيىگە پايدىلىق بولسىلا، ئەمگەكچى خەلققە يول قويسىمۇ، ئۇنى باستۇرسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئادەت قانۇنى»، «قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيىلىرى» بار. 

ھولىنىشېد

  • ھولىنىشېد[يەشمىسى:]»(Raphael Holinshed، تەخمىنەن ؟ — 1580) ئەنگلىيىلىك يىلنامە يازغۇچى. ياش ۋاقتىدا كىمبىرىچ داشۆسىنىڭ خرىستوس شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. تەخمىنەن 1560-يىلى لوندونغا بېرىپ مەتبۇئات سودىگىرى ۋولفې (Reginald Wolfe) نىڭ تەرجىمانى بولغان. 1573-يىلى ۋولفې ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ پۈتتۈرۈپ بولالمىغان دۇنيا ئومۇمىي تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار ۋە قول يازمىلىرىنى تۈزەش ۋە تولۇقلاش ئارقىلىق «ئەنگلىيە، شوتلاندىيە ۋە ئېرلاندىيە يىلنامىلىرى» قىلىپ يېزىپ چىققان. ئۇنىڭدا يىراق قەدىمكى زاماندىن تارتىپ، كورۇلىۋا ئېلىزابېت تەختتە ئولتۇرغان دەسلەپكى يىلغىچە بولغان تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. نەقىل كەلتۈرۈلگەن كۆپلىگەن بۇرۇنقى يىلنامىلەر ۋە باشقا ھۈججەتلەر ئىشەنچلىك تارىخ دەپ قارالغان. شېكىسپېرنىڭ «كورۇل»، «مەكبىس» ۋە «سىبېلىن» قاتارلىق مەشھۇر درامىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ۋەقەلىكى شۇ كىتابتىن ئېلىنغان. 

ھومېر

  • ھومېر[يەشمىسى:]»(Winslow Homer،1836— 1910) ئامېرىكىلىق رەسسام.بوستوندا تۇغۇلغان. دەسلەپكى يىللاردا باسمىچىلىق شاگىرتى بولغان، ئۆزى ئوقۇپ ئىختىساسلىق بولغان. 1857-يىلدىن تارتىپ ئۆزى رەسىمخانا ئاچقان ھەمدە دائىم گېزىت-ژۇرناللارغا قىستۇرما سۈرەت ئىشلەپ بەرگەن. 1866-يىلى پارىژغا بارغان، بۇ چاغدىكى ئەسەرلىرىدە دېھقانچىلىق مەيدانى، خۇشال بالىلار ۋە ياز مەنزىرىسىنى ئاساس قىلغان. 1873-يىلدىن باشلاپ سۇ بوياق رەسىم ئىشلىگەن، ئۇ ئالاھىدە ئۇسلۇبقا ئىگە بولغان. 1881-يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ، شىمالىي دېڭىزدىكى بېلىقچىلىق كەنتىدە تۇرغان. 1883-يىلى نيۇ-يوركقا قايتقان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا پاناما، كۇبا قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان. ئەسەرلىرىدە ياغاچ كەسكۈچى ئىشچىلار، ئوۋچى، بېلىقچىلار ۋە نىگېرلارنىڭ تۇرمۇشىنى رېئالىزملىق ئۇسۇل بىلەن جانلىق، ئەينەن سۈرەتلەپ بەرگەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھەيۋەتلىك دېڭىزنى ۋە بوران-چاپقۇننى ئاساسىي تېما قىلغان، ئۇ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. ئاساسلىق ئەسەرلىرى «شىددەتلىك بوران»، «كېمىنىڭ قازاغا ئۇچرىشى»، «ياغاچ كەسكۈچى ئىشچى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ھوۋېللىس

  • ھوۋېللىس[يەشمىسى:]»(William Dean Howells، 1837 — 1920) ئامېرىكىلىق يازغۇچى. ئوھىئو شتاتىدا تۇغۇلغان. ئەسلى ھەرپ تىزغۇچى ئىشچى. ئۆزلۈكىدىن بېرىلىپ ئۆگەنگەن. 1856 — 1860-يىللىرى «لىنكولىن تەرجىمىھالى» نى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان. 1861 — 1865-يىللىرى ۋېنېتسىيىدە تۇرۇشلۇق كونسۇل بولغان. «ئىتالىيىدىكى ساياھەت خاتىرىسى» ۋە «ھازىرقى زامان ئىتالىيە شائىرى» قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ چىققان. ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن بوستوندا ئولتۇرغان. 1871 — 1881-يىللىرى «ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژۇرنىلى» نىڭ تەھرىرى بولغان. 1886 — 1892-يىللىرى «ھاپوس ئايلىق ژۇرنىلى» نىڭ تەھرىرى بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زامان تۇرمۇشى ھەمدە ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «مۆتىدىل» رېئالىزملىق ئۇسۇل قوللىنىلغان بولسىمۇ، لېكىن تارىختا ئۆتكەن شەخسلەر ۋە ۋەقەلەر بىر قەدەر ئەينەن تەسۋىرلەنگەن. تىلى جانلىق. ئۇ 30 نەچچە پارچە سەھنە ئەسىرى، ئون نەچچە پارچە ساياھەت خاتىرىسى، نۇرغۇن تەرجىمىھال، ئەدەبىي ئوبزور ۋە ھېكايىلەرنى ئىجاد قىلغان. داڭلىق ئەسەرلىرىدىن «زامانىۋى ۋەقە»،«سېراس رافامنىڭ راۋاج تېپىشى» قاتارلىقلار بار.

ھۇشبېرگ

  • ھۇشبېرگ[يەشمىسى:]»(Karl Hochberg، 1853 — 1885) تەخەللۇسى ل. رىشتېر (L. Richter). گېرمانىيىلىك سوتسىيال ئىسلاھاتچى. كاتتا سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان.1876-يىلى گېرمانىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن. ئىسلاھاتچىلىق خاھىشىغا ئىگە نۇرغۇن گېزىت-ژۇرناللارنى چىقارغان ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن. 1878-يىلى «سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شۋېتسارىيىدە سىچرام ۋە بېرنىشتېيىن بىلەن بىرلىشىپ، پارتىيىگە قارشى تەشكىلات — «سىيۇرىخ ئۈچ كىشىلىك گۇرۇھى» نى قۇرغان. پارتىيىگە قارشى ژۇرنال — «ئىجتىمائىي پەن ۋە ئىجتىمائىي سىياسىي يىللىق مەجمۇئەسى» نى چىقىرىپ، «گېرمانىيىنىڭ سوتسىيالىستىك ھەرىكىتىگە نەزەر» دېگەن پارتىيىگە قارشى پروگراممىنى ئېلان قىلغان، ئىسلاھاتچىلىق ۋە تەسلىمچىلىك قارىشىنى تەشۋىق قىلىپ، گېرمانىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە زور زىيان كەلتۈرگەن.

ھۇمايۇن

  • ھۇمايۇن[يەشمىسى:]»(Humayun،1508— 1556) ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانى (1530—1540، 1555—1556)، بابۇرنىڭ ئوغلى. تەختتىكى مەزگىلدە مالۋا ۋە گۇجراتنى ئىستېلا قىلغان. 1539-يىلى ۋە 1540-يىلى بىخاردىكى ئافغانلار ھۆكۈمرانى شېرشاھ سۇر تەرىپىدىن ئىككى قېتىم مەغلۇپ قىلىنغان ۋە تەختتىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كەتكەن. كېيىن ئىران سافى سۇلالىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، قوشۇن توپلاپ، قەندىھار ۋە كابۇلنى ئىشغال قىلغان. 1555-يىلى سۈر سۇلالىسىنىڭ ئىچكى قالايمىقانچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، دېھلىنى قايتىدىن ئىشغال قىلغان ۋە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

ھومبولد

  • ھومبولد[يەشمىسى:]» (1) كارل ۋېلھېلم فون ھومبولد (Karl Wil Helm Von Humboldt،1767 — 1835) گېرمانىيىلىك سىياسىي پائالىيەتچى. تىلشۇناس. ساكسونىيىدىكى ئاقسۆڭەك بيۇروكرات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئىنىسى ئالېكساندر فون ھومبولد بىلەن تەڭ نام چىقارغان. 1787 — 1789-يىللىرى ئودېر دەرياسى بويىدىكى فرانكفورت داشۆسى بىلەن گوتتېنگېن داشۆسىدە قانۇننى تەتقىق قىلغان. 1801 — 1810-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، پرۇسسىيىنىڭ رىم ۋاتىكاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى، دىنىي ۋە مائارىپ ۋەزىرى بولغان، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ قانۇنىنى بەلگىلەش، چېركاۋنىڭ مائارىپقا ئارىلىشىشىنى چەكلەش، پرۇسسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ۋە بېرلىن داشۆسىنى قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە رول ئوينىغان. 1810-يىلى پرۇسسىيىنىڭ ۋېنادا تۇرۇشلۇق ۋەزىرى بولغان، 1814 — 1815-يىللىرى ۋېنا يىغىنىغا قاتناشقان.1819-يىلى پرۇسسىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، سىياسىي جەھەتتە لىبېرال بۇرژۇئازىيىگە مايىل بولۇپ، پرۇسسىيە ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغانلىقتىن، ئەكسىيەتچى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ئۇزاق ئۆتمەي ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان، تىلشۇناسلىق جەھەتتە، تىلنىڭ ماھىيىتى، تەرەققىياتى، تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى قاتارلىق نەزەرىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياۋروپا تىلشۇناسلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. ئەسەرلىرىدىن: «تارىخشۇناسنىڭ ۋەزىپىسى»، «ياۋا ئارىلىدىكى ياۋېى تىلى ھەققىدە»، مۇقەددىمە «ئىنسانلار تىل قۇرۇلمىسىدىكى پەرقلەر ۋە ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ روھىي تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى ھەققىدە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) ئالېكساندر فون ھومبولد(Alexander Von Humboldt،1769— 1859) گېرمانىيىلىك تەبىئىي پەن ئالىمى، تەبىئىي جۇغراپىيەشۇناس؛ يېقىنقى زامان ھاۋا رايى ئىلمى، بىئوجۇغراپىيە، يەر شارى فىزىكىسى قاتارلىق پەنلەرنى ياراتقۇچىلارنىڭ بىرى؛ كارل ۋېلھېلم ھۇمبولدنىڭ ئىنىسى، ساكسونىيىدىكى بيۇروكرات ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1787 — 1792-يىللىرى،ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، فرانكفورت داشۆسى، گوتتېنگېن داشۆسى، ھامبۇرگ سودا شۆيۈەنى ۋە فىرېيىنبېرگ گېئولوگىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە تەبىئىي پەن، ئىقتىساد، قانۇن ئىلمى ، بىئولوگىيە ۋە گېئولوگىيە قاتارلىق پەنلەرنى تەتقىق قىلغان. 1792 — 1795-يىللىرى پرۇسسىيە كان ئىشلىرى تارمىقىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1807 — 1834-يىللىرى 30 توملۇق «يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئىسسىق بەلباغ رايونىغا ساياھەت» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلغان. 1827-يىلى بېرلىنغا قايتىپ كېلىپ، پرۇسسىيە كورۇلى فرىدرىخ ۋېليام Ⅲ نىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوردا مەسلىھەتچىسى بولغان.1829-يىلى روسىيىنىڭ ئۇرال، ئالتاي ۋە قارا دېڭىز رايونلىرىغا بېرىپ تەكشۈرگەن، كۆپلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، «ئاسىيا گېئولوگىيىسى ۋە ھاۋا رايى ئىلمىدىن پارچىلار»، ئۈچ توملۇق «ئوتتۇرا ئاسىيا» قاتارلىق كىتابلارنى يازغان. 1845-يىلى بەش توملۇق بۈيۈك ئىلمىي ئەسەر «ئالەم» نى يېزىشقا كىرىشكەن. ئۇ، تەبىئەت مىسلىسىز زور بىر پۈتۈن گەۋدە، تۈرلۈك تەبىئەت ھادىسىلىرى ئۆزئارا باغلانغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىچكى كۈچى ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىپ راۋاجلىنىدۇ دەپ ھېسابلىغان. بىۋاسىتە كۆزەتكەن پاكىتلارنى ئاساس قىلغان ھالدا، سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، تەبىئەت ھادىسىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئېچىپ بەرگەن. بۇ كىتاب ماتېرىيالىستىك تەبىئەت پەلسەپىسى ھەققىدىكى بۈيۈك ئەسەر بولۇپ، تەبىئەت ئىلمىي نەزەرىيىسىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئېنگېلس «تەبىئەت دىئالېكتىكىسى» ناملىق ئەسىرىدە ئۇنىڭغا ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەرگەن. ئۇ يەنە تۇنجى بولۇپ دۇنيا ئىزوتىرمىك سىزىقىنىڭ خەرىتىسىنى ئىجاد قىلىپ، ھاۋا رايى ئىلمىي تەتقىقاتىغا زور تۆھپە قوشقان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە يەر شارى ماگنىت كۈچىنىڭ قۇتۇپىدىن ئېكۋاتورغا قاراپ تەدرىجىي ئاجىزلاپ بارىدىغان قانۇنىيىتىنى ياراتقان، يانار تاغلارنىڭ جايلىشىشى بىلەن يەر ئاستىدىكى يوچۇقلارنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئۇنىڭ بىلىمى ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە كەڭ بولۇپ، «ⅩⅨ ئەسىردىكى ئارىستوتىل» دەپ نام ئالغان. بۇلاردىن سىرت، ئۇ يەنە ئىنسانپەرۋەر ۋە ئىدراكشۇناس بولۇپ، ئىرقچىلىققا نەپرەتلەنگەن، مىللىي تەڭسىزلىككە ۋە بۇلاڭچىلىق خاراكتېرىدىكى ئۇرۇشقا قارشى تۇرغان.

ھۇن ئىمپېرىيىسى

  • ھۇن ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:]»Ⅴ ئەسىردە ھۇنلار ياۋروپادا قۇرغان دۆلەت. ھۇنلار (غەرب تارىخ كىتابلىرىدا Huns دېيىلىدۇ، ئومۇمەن، خەنزۇچىدىكى «匈奴» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى دەپ قارالماقتا) ئەسلىدە جۇڭگونىڭ شىمالىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. مىلادى Ⅰ ئەسىردە، شىمالىي ھۇنلار شەرقىي خەن سۇلالىسىدىن يېڭىلىپ، غەربكە كۆچۈپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يېتىپ بارغان. Ⅱ ئەسىردە يەنە سىيانپىيلارنىڭ زورلىشى بىلەن، داۋاملىق غەربكە كۆچكەن. مىلادى Ⅳ ئەسىرگە كەلگەندە ۋولگا ۋە دۇناي دەرياسى ۋادىلىرىغا كىرىپ، يەرلىك ئالانىلارنى بويسۇندۇرغان. 374-يىلى دون دەرياسىدىن ئۆتۈپ، شەرقىي گوتلارنىڭ قەبىلە ئىتتىپاقىنى يوقاتقان، ئارقىدىنلا يەنە غەربىي گوتلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ياۋروپا تارىخىدىكى «مىللەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۆچۈشى» نى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قوشۇنى يېتىپ بارغانلا يېرىدە پاجىئەلىك تۈردە بۇزغۇنچىلىق قىلغان. Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئوتتۇرا ياۋروپاغا بېسىپ كىرىپ، پاننونىيە (Pannonia، ھازىرقى ۋېنگرىيە) نى پائالىيەت مەركىزى قىلغان. 432-يىلى پادىشاھ رۇيا (Rua، ؟ — 434) ھۇن قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئاتتىلا تەختتىكى مەزگىللەردە (434 — 453) زېمىنى شەرقتە كاسپى دېڭىزىدىن باشلىنىپ، غەربتە رېيىن دەرياسى، شىمالدا بالتىق دېڭىزى، جەنۇبتا دۇناي دەرياسىغىچە بولۇپ، زور ۋە تارقاق ئىمپېرىيە بولۇپ شەكىللەنگەن ھەمدە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان. ئاتتىلا قازا قىلغاندىن كېيىن، ئوغۇللىرى ئىچكى نىزا بىلەن بولۇپ كەتكەن. بويسۇندۇرۇلغان گېرمانلار قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىپ، 454-يىلى ھۇنلارنى يەڭگەن، ھۇن ئىمپېرىيىسى پارچىلىنىپ كەتكەن. 

ھۇنيادى

  • ھۇنيادى[يەشمىسى:]»(János Hunyadi، تەخمىنەن 1387 — 1456) ۋېنگرىيىنىڭ نائىبى (1444 — 1456) ۋە قوماندانى. ترانسىلۋانىيە (ھازىرقى رۇمىنىيە چېگرىسى ئىچىدە) دە ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ۋېنگرىيە كورۇلى سىگسىمۇند (1411-يىلى يەنە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھلىقىغا سايلانغان) نىڭ ھەربىي قوماندانى بولغان. 1440-يىلى پولشا كورۇلى ۋلادىسلاۋ Ⅲ نىڭ قوشۇمچە ۋېنگرىيىگە پادىشاھ بولۇشىنى قوللىغان. 1442-يىلى ترانسىلۋانىيىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1442 — 1443-يىللىرى ئارقا-ئارقىدىن تۈركىيە قوشۇنىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان. لېكىن 1444-يىلى 11-ئايدا ۋارنا جېڭىدە تۈركىيە سۇلتانى مۇراد Ⅱ تەرىپىدىن يېڭىلگەن، ۋلادىسلاۋ Ⅲ مۇشۇ جەڭدە ھالاك بولغان. شۇ يىلى ۋېنگرىيىنىڭ نائىبى بولغان. 1456-يىلى، ۋېنگرىيە، پولشا، چېخ ۋە گېرمانىيە رىتسارلىرىدىن تەركىب تاپقان 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى باشلاپ چىقىپ، بېلگراد جېڭىدە سۇلتان مۇھەممەد Ⅱ قوماندانلىقىدىكى 100 مىڭ كىشىلىك تۈركىيە قوشۇنىنى يەڭگەن.

ھۇيدوبرو

  • ھۇيدوبرو[يەشمىسى:]»(Vicente Garcia Huidobro Fernández، 1893 — 1948). چىلىلىق شائىر. پارىژدا ئۇزۇن يىل ياشاپ، ئەسەرلىرىنى فرانسۇزچە، ئىسپانچە يازغان، «جەنۇبتىن شىمالغا» دېگەن ئوبزور ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گۈزەللىك ھەرىكىتىنى قوزغاپ، «ئىجادىيەتچىلىك» نى ئوتتۇرىغا قويغان. يېڭىلىقنى قوغلىشىپ، بارلىق ئەنئەنىلەرگە قارشى تۇرغان ھەمدە «شائىرنىڭ بۇرچى بىرىنچىدىن ئىجاد قىلىش، ئىككىنچىدىن ئىجاد قىلىش، ئۈچىنچىدىن يەنىلا ئىجاد قىلىش» دەپ جاكارلىغان. ئەمما بۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىرى چەكلىك بولغان. ئەدەبىي ئوبزورلىرىدىن «شېئىرىيەت سەنئىتى توغرىسىدا»، «1917-يىل خىتابنامىسى» قاتارلىقلار بار. ئاتاقلىق شېئىرلىرى «ئېففېل تۆمۈر مۇنارىسىدىكى سەيلە»، «مېنىڭ باتۇرۇم شىدې»، «ئەڭ ئاخىرقى شېئىرلار توپلىمى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ھۆپىگەرلەر

  • ھۆپىگەرلەر[يەشمىسى:]»چاۋشيەندە مالنى بوغچىلاپ ساتىدىغان سودىگەر بىلەن يۈدۈپ ساتىدىغان سودىگەرلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. بوغچىلاپ ساتىدىغان سودىگەرلەر رەخت، تاۋار، پەرداز بۇيۇملىرى، ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىق ماللارنى بوغچىغا تۈگۈپ جايلارغا توشۇپ ساتىدۇ، يۈدۈپ ساتىدىغان سودىگەرلەر چىنە-قاچىلار، تۇز، تاماكا، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يۈدۈپ جايلارغا توشۇپ ساتىدۇ. بۇلاڭچىلىق قاتارلىق بالايىئاپەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلار كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى تەشكىللەپ، ئىتتىپاقلىق كۈچىنى نامايان قىلغان. كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى بەزى سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. مەسىلەن «بىڭزى توپىلىڭى» دا مۇھاسىرىگە ئېلىنغان تاغلىق شەھەر نەنخەنگە ھەربىي بۇيۇملار ۋە ئاشلىق توشۇش، 1886-يىلى فرانسىيە فلوتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردا زور كۈچ چىقارغان. لېكىن بۇ كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى بەزىدە ئەكسىيەتچى كۈچلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلگەن. مەسىلەن، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن شەرقچىلەرنى قىرىشقا، مۇستەقىللىك جەمئىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئوخشاش ئىشلارغا قاتناشقان. ھازىرقى زامان سودا، قاتناش ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھۆپىگەرلەر ۋە ئۇنىڭ كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى بارا-بارا يوقىلىپ كەتكەن.

ھۆكۈمەتسىزلىك

  • ھۆكۈمەتسىزلىك[يەشمىسى:]»ئانارخىزم (فرانسۇزچە Anarchisme نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى) دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئەسلى يۇنانچە ávapxia دىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ھۆكۈمەتسىز، تەرتىپسىز ھالەت دېگەن مەنىدە. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەيدانغا كەلگەن، بارلىق دۆلەت ھاكىمىيىتىگە ۋە سىنىپىي كۈرەشكە قارشى تۇرىدىغان بىر خىل ئۇششاق بۇرژۇئازىيىچە ئىدىيىۋى ئېقىم. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا فرانسىيە، روسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن دۆلەتلەردە كەڭ تارقالغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى گېرمانىيىدىكى ستىرنېر، فرانسىيىدىكى پرودون، روسىيىدىكى باكونىن ۋە كروپوتكىن قاتارلىقلار. ستىرنېر ئانارخىزمنىڭ پېشۋاسى. پرودون ئانارخىزمنىڭ ئاساسچىسى. ئۇ ئىشچىلارنىڭ سىياسىي كۈرەشكە قاتنىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئورنىغا شەخس بىلەن گۇرۇھنىڭ ئەركىن بىرلەشمىسىنى دەسسىتىشنى خىيال قىلغان. باكونىن بولسا دۆلەتنى ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدىكى نامۇۋاپىق ھادىسىلەرنىڭ ئاپەت يىلتىزى دەپ قاراپ، بارلىق دۆلەتلەرنى يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى بىر نەزەرىيىۋى شەكىلگە تەرەققىي قىلدۇرغان كروپوتكىن بولسا پۈتۈنلەي ئاپتونومىيىنى ئاساس قىلغان. ھېچقانداق نوپۇز بولمىغان «ئەركىن كوممۇنىزم» قۇرۇشنى، يەنى «ئانارخىزم» تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇشنى تەشەببۇس قىلغان. لېكىن: «ئانارخىستلارنىڭ دۇنيا قارىشى شەكلى ئۆزگەرگەن بۇرژۇئازىيىچە دۇنيا قاراشتۇر. ئۇلارنىڭ شەخسىيەتچىل نەزەرىيىسى، ئۇلارنىڭ شەخسىيەتچىلىك غايىسى سوتسىيالىزمغا بىۋاسىتە قارىمۇ قارشىدۇر» («لېنىن ئەسەرلىرى» 10-توم، خەلق نەشرىياتى، 1958-يىل نەشرى، 53 بەت. خەنزۇچە) دەپ كۆرسەتكەن. ئانارخىزم پرولېتارىيات ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىلگىرى، ئىشچىلار ھەرىكىتىگە ۋە ئىنقىلابىي كۈرەشكە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كاپىتالىزم تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىش رولىنى ئوينىغان؛ پرولېتارىيات ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن تەشكىلىي ئىنتىزام ۋە سوتسىيالىستىك قانۇن-تۈزۈملەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى ئاجىزلىتىش رولىنى ئوينىغان.

ھۈدەيبىيە سۈلھسى

  • ھۈدەيبىيە سۈلھسى[يەشمىسى:]»مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككە ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن تۈزگەن سۈلھسى. مىلادى 628-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇرىتلىرىدىن 1400 كىشى ۋە قۇربانلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان 70 تۆگە بىلەن مەككىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، شەھەرگە ئانچە يىراق بولمىغان ھۈدەيبىيە (Hudaibiya)دېگەن يەرگە كەلگەندە مەككىلىكلەر تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان، كېيىن ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى بۇ جايدا تۆۋەندىكىدەك سۈلھ تۈزگەن: (1) بۇ يىلقى تاۋاپنى ئىككىنچى يىلىغا ئۆزگەرتىش؛ ئۇ چاغدا قۇرەيىش قەبىلىلىرى شەھەر سىرتىغا كۆچۈپ چىقىش، لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەت ئۈچ كۈن تۇرۇشىغىلا رۇخسەت قىلىش. (2) ئىككى تەرەپ ئون يىلغىچە ئۇرۇش قىلماسلىق. (3) مەككىلىكلەردىن مەدىنە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مۇسۇلمانلار مەسئۇل بولۇش، مۇسۇلمانلاردىن مەككە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىشكە مەككىلىكلەر مەسئۇل بولماسلىق. (4) ئىككى تەرەپ ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن ئەھدىنامە تۈزۈش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش. سۈلھ شەرتنامىسىنىڭ تۈزۈلۈشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن مەككە ئاقسۆڭەكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا خاتىمە بەرگەن. 

ھۈسەيىن خاندانلىقى

  • ھۈسەيىن خاندانلىقى[يەشمىسى:]» تۇنىس خاندانلىقى. 1705-يىلى ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش شەرتى ئاستىدا، مۇستەقىل ئىچكى-تاشقى سىياسەت يۈرگۈزگەن. 1881-يىلى تۇنىس فرانسىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ خاندانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىرى فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قورچىقىغا ئايلىنىپ، قالغان. 1956-يىلى 3-ئايدا تۇنىس مۇستەقىل بولۇپ، پادىشاھلىق تۈزۈمىنى داۋاملىق ساقلاپ قالغان. 1957-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىدا پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلىپ، تۇنىسنى جۇمھۇرىيەت دەپ جاكارلىغان، خاندانلىق شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان.

ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى

  • ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى[يەشمىسى:]»(Hussain Ibn Ali، ؟ — 1740) تۇنىس ھۈسەيىن خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئىلگىرى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەمەلدارى بولغان. 1705-يىلى يەرلىك فېئوداللارنىڭ قوللىشى ئاستىدا تۈركىيە گۋاردىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ھۈسەيىن خاندانلىقىنى قۇرغان. ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش شەرتى ئاستىدا مۇستەقىل ئىچكى-تاشقى سىياسەتنى يولغا قويغان. 1740-يىلى جىيەنى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

ھېبېرت

  • ھېبېرت[يەشمىسى:]»(Jacques Renè Hèbert، 1757 — 1794) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى سىياسىي ئەرباب، مۇخبىر. ھېبېرتچىلارنىڭ يولباشچىسى. ئالېنسوندىكى سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. تىياتىرخانىدا كونتېر ۋە چاكار بولغان. 1789-يىلدىن باشلاپ، فېئوداللىق تۈزۈمگە زەربە بېرىدىغان تۈرلۈك كىتابچىلارنى تارقاتقان ھەمدە كوردېلىيې كۇلۇبى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 1790-يىلى «دۇشې خوجام گېزىتى» نى تەسىس قىلىپ، كەڭ خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئىگە بولغان. 1792-يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى قوزغىلاڭدىن كېيىن، پارىژ كوممۇنىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى بولۇپ سايلانغان. ئىنتايىن تېررورلۇق سىياسەتنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. مىللىي ئۇيۇشمىنى باھانى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش قانۇنى ۋە گۇمانلىق جىنايەتچىلەر قانۇنىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر قىلغان، ئىنقىلابىي سوتنىڭ ئورنىغا خەلق سوتىنى قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ياكۇبىن دىكتاتۇرىسى دەۋرىدە ھەم دانتونچىلارنىڭ كەڭچىلىك قىلىش سىياسىتىگە قارشى تۇرغان، ھەم روبېسپىيېرچىلارنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىگە زەربە بەرگەن. 1794-يىلى 3-ئايدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولۇپ، ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان، 24-كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن.

ھېبېرتچىلار

  • ھېبېرتچىلار[يەشمىسى:]»فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە، شەھەردىكى پۇقرالار قاتلىمىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان سىياسىي گۇرۇھ، ئۇنىڭ ئاساسىي رەھبىرى ھېبېرت بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ تولىسى كوردېليې كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرى. ھېبېرت «دۇشې خوجام گېزىتى» نى تەسىس قىلىپ، بۇ گۇرۇھنىڭ ئىنقىلابىي تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلغان، تىزلاپچىسىزلار ھەرىكىتىنى قوللىغان. بۇ گۇرۇھ پارىژ كوممۇنىسى ۋە مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىدە غايەت زور تەسىرگە ئىگە بولغان ھەمدە 1792-يىلدىكى 10-ئاۋغۇست قوزغىلىڭى ۋە 1793-يىلدىكى 31-ماي ۋە 2-ئىيۇن قوزغىلاڭلىرىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان. ياكۇبىن دىكتاتۇرىسى دەۋرىدە، ئەكسىلئىنقىلابنى قەتئىي باستۇرۇشنى، باھانى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش قانۇنى ۋە گۇمانلىق جىنايەتچىلەر قانۇنىنى ئۈزۈل-كېسىل يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان؛ ئەقلىيلىققا چوقۇنۇشنى تەشەببۇس قىلغان، خرىستىئانسىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى تەرغىپ قىلغان. 1794-يىلى 3-ئايدا، روبېسپىيېر يۈرگۈزگەن سىياسەتكە قارشى تۇرۇپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولۇپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن باستۇرۇلغان. «ھېبېرت» قا قاراڭ.

ھېپىستوس

  • ھېپىستوس[يەشمىسى:]»(Hephaistos ياكى Hephaestus) يەنى گېپىست. قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئوت خۇداسى ۋە ھۈنەر-سەنئەت خۇداسى. باش خۇدا زېۋىس بىلەن مەبۇدە ھېرادىن تۇغۇلغان. ئاقساق، چىرايى سەت بولغاچقا، ھېرا ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋەتكەن. بەختكە يارىشا مەبۇدىلەر ئۇنى قۇتقۇزۇۋالغان. چوڭ بولغاندىن كېيىن ھېرادىن ئىنتىقام ئالماقچى بولۇپ، ئالتۇندىن بىر تەخت ياساپ، ھېرانى ئولتۇرسا قوپالمايدىغان قىلىپ قويغانمىش. كېيىن ھېرا بىلەن ياراشقاندىن كېيىنلا، ئانىسى ئاندىن تەختتىن چۈشەلەيدىغان بوپتۇ. ئۇنىڭ ئۆزى مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك مەبۇدىسى ئافرودىت بىلەن توي قىپتۇ. ئولىمپىيە تېغىدا مىستىن ياسالغان بىر ئۇستىخانىسى بولۇپ، ئەپچىل قوللىرى بىلەن خۇدالار ۋە باتۇرلارغا ھەر خىل قورال-ياراق ۋە سايمانلارنى ياساپ بېرىدىكەن. مەسىلەن، زېۋىسنىڭ سەۋلىجانى، ئاپوللوننىڭ ئوقياسى، دېمېتېرنىڭ ئورغىقى، ئاكىللېسنىڭ قالقان ۋە ساۋۇتى، ھېلوسنىڭ ئالتۇن ھارۋىسى، خارمونىيە (Harmonia) نىڭ بويۇن چەمبىرىكى ۋە پېرومىتېنى كاپكاز تېغىغا باغلاپ قويۇشتا ئىشلىتىلگەن زەنجىر قاتارلىقلار. ئۇستىلارنىڭ پىرى دەپ قارالغان. قەدىمكى رىم ئەپسانىلىرىدە ۋۇلكانوس (Vulcanus) دەپ ئاتالغان.

ھېتىرىيە

  • ھېتىرىيە[يەشمىسى:]»گرېكچە Hetairia نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، دوستلۇق جەمئىيىتى دېگەن مەنىدە. يېقىنقى زامان گرېتسىيە مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتى.ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گرېتسىيىنىڭ تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئازادلىق كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان. ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ئىچىدە چەت ئەللەردە ئولتۇراقلاشقان مۆتىدىل سودا بۇرژۇئازلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. 1795-يىلى رىگاس قۇرغان. مەقسەت گرېتسىيىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنىڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ھەمدە قوزغىلاڭچىلارنى قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. 1814-يىلى 9-ئايدا گرېتسىيە مۇھاجىرلىرى ئودېسسادا يېڭى ھېتىرىيە يەنى فىلىكې-ھېتىرىيە (Philike Hetairia) نى قۇرغان. ئۇنىڭ تەسىرى تۈركىيە ئىمپېرىيىسى دائىرىسىدىكى ياۋروپا رايونىغا يەتكەن. كاربونارلار پارتىيىسى ۋە ئاممىۋى قۇتقۇزۇش جەمئىيىتىنىڭ مەخپىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش شەكلىنى قوللانغان. 1820-يىلدىن كېيىن مەملىكەت ئىچىدە تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەش بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئەزالىرى مۇرەككەپ بولۇپ، سەككىز دەرىجىگە ئايرىلغان. تەشكىلىي ئورگانلار يۇقىرى قاتلام تەبىقىدىكى ئىنتايىن ئاز سانلىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن تىزگىنلەنگەن. 1821-يىلى 3-ئايدا رەھبىرىي روسىيە گېنېرالى ئالېكساندر ئىپۇشلانتى قوراللىق قىسىمنى باشلاپ، ياسسىي ۋە بۇخارېستقا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. 6-ئايدا تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. لېكىن بۇ پېلوپوننېس قوزغىلىڭىنىڭ سىگنالى بولۇپ قالغان. گرېتسىيە مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن فېلىكې-ھېتىرىيە ئۆز ھەرىكىتىنى توختاتقان.

ھېتت قانۇنى

  • ھېتت قانۇنى[يەشمىسى:]»كىچىك ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت ھېتتنىڭ قانۇنى. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھېتتنىڭ قەدىمكى پايتەختى ھاتتۇساس (بۈگۈنكى تۈركىيە ئەنقەرە شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بوكالىزىيىن) نىڭ خارابىسىدىكى «دۆلەت ئارخىپ ئامبىرى» دىن تېپىلغان. نىشى يېزىقى (ھېتتلارنىڭ مىخ يېزىقى) بىلەن ئويۇپ يېزىلغان بىرقانچە سېغىز بەتتىن ئىبارەت بولۇپ، چېخ ئالىمى ھروزىنى ئۇنى يەشكەن ھەمدە «كىچىك ئاسىيادىن قېزىپ چىقىلغان ھېتت قانۇنى»نى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئىككى جەدۋەل بولۇپ، ئۇنىڭ ھەربىرىدە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ۋە قۇلدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسەت قىلىنغان 100 ماددا بار؛ ئاساسەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅤ ئەسىردىن ⅩⅣ ئەسىرگىچە ھېتت پادىشاھلىقىنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، قەدىمكى ھېتت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ھېرا

  • ھېرا[يەشمىسى:]»(Hera) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىسىدىكى زىۋىسنىڭ ئايالى. رىم ئەپسانىسىدىكى جۇنو (Juno). كىرونوس بىلەن رېيەنىڭ قىزى. ئاياللارنىڭ ھامىيسى بولۇپ، نىكاھ ۋە تۇغۇتنى باشقۇرىدۇ. ئېرى (شۇنداقلا ئىنىسى) زېۋىس بىلەن ئۇرۇش خۇداسى ئارېس، ئوت خۇداسى (تۆمۈرچىلىك خۇداسى) ھېفىستاس، ياشلىق مەبۇدىسى ھېبې قاتارلىقلارنى تۇغقان. زېۋىس ۋە ھەرقايسى خۇدالار بىلەن بىرلىكتە يۇناننىڭ شىمالىدىكى ئولىمپىيە تېغىدىكى سارايدا تۇرىدۇ؛ ھېرا ھەسەتخور، شۆھرەتپەرەس، ياۋۇز بولۇپ، زېۋىسنىڭ باشقا مەبۇدىلەر بىلەن ئارىلىشىشىنى چەكلىگەن، «ئالتۇن ئالما» نى ئېلىش ئۈچۈن ئافرودىت ۋە ئافىنا بىلەن گۈزەللىك تالاشقان. ھېراغا نەزىر-چىراق قىلىدىغان ئىبادەتخانىلاردىن جەنۇبىي يۇناننىڭ ئاگورېسىدىكى ئىبادەتخانىلار ئەڭ داڭلىق بولغان. سپارتا، سامۇس ئارىلى ۋە كروتون (جەنۇبىي ئىتالىيە) دىمۇ ھېراغا چوقۇنغان. بەزى جايلاردا ھېرا يەر ۋە ئاسمان مەبۇدىسى دەپ قارالغان.

ھېرا كلېئوپولىس

  • ھېرا كلېئوپولىس[يەشمىسى:]»(Heracleopolis)، مىسىردىكى قەدىمكى شەھەر. نىل دەرياسى دېلتىسىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىكى فايوئۇم ( al Fayoum) سۇلۇق رايونىغا (قاھىرەنىڭ جەنۇبىدىن 77 مىل يىراقلىقتا) جايلاشقان. قەدىمكى پادىشاھلىق (مىلادىدىن ئىلگىرى 2686 — 2181) نىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە شىمالىي مىسىرنىڭ مەركىزى بولغان. كېيىن بۇ يەردە توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى سۇلالىلەر قۇرۇلۇپ، جەنۇب بىلەن قارشىلاشقان ھەمدە ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، مىسىرنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، جەنۇبىي مىسىرنىڭ مەركىزى تېبېس بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئون بىرىنچى سۇلالىنى قۇرغان ھەمدە تەدرىجىي ھالدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، شىمالنى بويسۇندۇرۇپ، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى يەنە بىر قېتىم ئورۇندىغان، شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا سۇلالە دەۋرى باشلانغان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا ھېراكلېئوپولىس ئۆز ئورنىنى تېبېسقا بوشىتىپ بەرگەن.

ھېراكلىت

  • ھېراكلىت[يەشمىسى:]»(Herakletosياكى Heraclitus، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 535 — 475) قەدىمكى يۇنان دەۋرىدىكى پەيلاسوپ، ساددا ماتېرىيالىست، دىئالېكتىكىچى، ئېفېس (كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي تەرەپتە) دىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ھاياتىدىكى ئىش ئىزلىرى ئېنىق ئەمەس، ياش ۋاقتىدا ھەرقايسى جايلارنى ئايلانغان، ئەمەلدار بولۇشنى خالىمىغان، ھاكاۋۇر، تىلى ئۆتكۈر بولۇپ، بىر مۇنچە ئاتاقلىق كىشىلەرنى مەسخىرە قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا پېرسىيە پادىشاھى دارا ئۇنىڭغا ياخشى كۆڭلىنى بىلدۈرگەندە، ئۇ رەت قىلغانىكەن. كېيىن تاغلاردا تۇرۇپ، دەرۋىشلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە رازى بولۇپ، خۇددى جاھان ئويناشقاندەك ئىش قىلغان ھەم يەنە بىرقەدەر سىرلىق بولغان. ئۇنىڭ چۈشەنچىلىرى ئېلىياچىلار (پارمېنىد قاتارلىقلار) نىڭ شەيئىلەر مەڭگۈ «مەۋجۇت» بولۇپ تۇرىدۇ، دېگەن تەشەببۇسىغا زادى ئوخشىمايدۇ، بۇ، ھەرىكەت بىلەن ئۆزگىرىش — دۇنيادىكى ھاياتلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە بولمايدۇ. ھەممە نەرسە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ، دەپ قارىغان. ئالەمنى ئىلاھ ياراتقان ئەمەس، ئادەم ياراتقانمۇ ئەمەس، ئالەمنى شەكىللەندۈرگەن تۈپ ئېلېمېنت ئوت، ئوت مەلۇم چەكتە توختىماي كۆيۈپ تۇرىدۇ، مەلۇم چەكتە ئۆچۈپ تۇرىدۇ، ھەممە نەرسە ئوتتىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئوتتا يوقىلىدۇ ۋە ئوتقا قايتىدۇ، «خۇددى تاۋار ئالتۇنغا، ئالتۇن تاۋارغا ئالماشتۇرۇلغىنىدەك ھەممە نەرسە ئوتقا ئايلىنىدۇ، ئوتمۇ ھەممە نەرسىگە ئايلىنىدۇ» دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ھېكمەتلىك سۆزى شۇكى، ھەممە ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ، ھەممە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئادەم ئوخشاش بىر ئېقىنغا ئىككى قېتىم كىرەلمەيدۇ، چۈنكى توختىماي ئېقىۋاتقان سۇ مەڭگۈ ئالغا قاراپ ئاقىدۇ. كونىنىڭ ئورنىنى يېڭى ئالغاندەك، ھەر كۈنىدىكى قۇياشمۇ يېڭى قۇياش بولىدۇ. ئۆزگىرىش قارىمۇقارشى تەرەپنىڭ كۈرىشىدىن پەيدا بولىدۇ، «قارىمۇقارشى تەرەپلەر بىر-بىرىگە ئايلىنالايدۇ، قارىمۇقارشىلىق ماسلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ»، قارىمۇقارشى بولغاندىلا ئاندىن بىرلىككە كەلگەن دۇنيا بولىدۇ، بىرلىك (ئىناقلىق) نىسپىي بولىدۇ، قارىمۇقارشىلىق (كۈرەش) مۇتلەق بولىدۇ. «ئۇرۇش (كۈرەش) ھەممە نەرسىنىڭ ئاتىسى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىرقەدەر تۆۋەن، پەلسەپە ۋە پەن بىر گەۋدە قىلىنغان قەدىمكى زامان شارائىتىدا ئۇنىڭ مۇشۇ قىياسلىرى دىئالېكتىك ماتېرىيالىستىك پرىنسىپىغا بېرىلگەن ساددا چۈشەندۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېنىن ئۇنى «دىئالېكتىكىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى» دەپ ئاتىغانىدى («لېنىن ئەسەرلىرى»، 38-توم، خەلق نەشرىياتى 1959-يىل خەنزۇچە نەشرى،390-بەت). ئۇ گرېتسىيە دۇنياسىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان دېموكراتىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىن بىزار بولغان، خەلق ئاممىسىنى پەس كۆرگەن. ئۇ، مۇنەۋۋەر بولغان بىر كىشى 10 مىڭ كىشىگە تەڭ كېلىدۇ، دېگەنىدى. سىياسىي قاراش جەھەتتە ئۇ مۇتەئەسسىپ ئىدى. «تەبىئەت ھەققىدە» دېگەن ئەسىرى بار. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئەسەرنىڭ پارچىلىرىلا ساقلاپ قېلىنغان. مەزمۇنى ئۇقۇمسىز، «ئۇقۇمسىز پەيلاسوپ» دەپ تەرىپلەنگەن.

ھېراكلىئۇس

  • ھېراكلىئۇس[يەشمىسى:]»(Heraclius، تەخمىنەن 575 — 641) كىچىك ھېراكلىئۇس دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋېزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (610 — 641) ئافرىقا ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ھېراكلىئۇسنىڭ (تەخمىنەن 586 — 610-يىللىرى تەختتە بولغان) ئوغلى. مىلادى 609-يىلى ئۇنىڭ ئاتىسى سېناتۇرلار، چوڭ يەر ئىگىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئەسكەر تارتىپ ئىمپېراتور فوكاسقا قارشى چىققان.610-يىلى فوكاس ئۆلتۈرۈلۈپ كىچىك ھېراكلىئۇس تەختكە چىققان. ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان دەسلەپكى يىللىرى ئىمپېرىيە شىمال تەرەپتىن ئاۋارلار ۋە سلاۋىيانلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان؛ شەرقىي قىسمىدىن پارسلار 611—619-يىللىرى سۈرىيە، پەلەستىن ۋە مىسىرنىبېسىۋالغان. كېيىن چېركاۋنىڭ قوللىشى بىلەن، قوشۇننى تەرتىپكە سېلىپ، 626-يىلى ئاۋارلارنى مەغلۇپ قىلغان؛ 627-يىلى نىنېۋىيە خارابىسى ئەتراپىدا پېرسىيە پادىشاھى خىسراۋ Ⅱنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىمپېرىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قولدىن كەتكەن زېمىنىنى قايتۇرۇۋالغان. بىراق ئەرەب ئىمپېرىيىسى باش كۆتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، پەلەستىن، سۈرىيە، مېسوپوتامىيە ۋە مىسىر قاتارلىق جايلارنى 634 — 641-يىللىرى ئارىلىقىدا ئەرەبلەر قايتا بېسىۋالغان.

ھېرتسېگوۋىنا قوزغىلىڭى

  • ھېرتسېگوۋىنا قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]» يەنى، گېرتسېگوۋىنا (Hercegovina) دىكى تۈركىيىنىڭ زۇلمى ۋە قۇل قىلىشىغا قارشى قوزغىلاڭ. كېيىن مونتېنېگرونىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكتىن، مونتېنېگرونىڭ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 1852 — 1853-يىللىرى، 1857—1858-يىللىرى،1861 — 1862-يىللىرى ئۈچ قېتىم بولغان، ئۇنىڭغا ۋۇكالوۋىچ رەھبەرلىك قىلغان.1857—1858-يىللاردىكى قوزغىلاڭنىڭ كۆلىمى ئەڭ زور بولغان. 1858-يىلى 4-ئايدا مونتېنېگرو قوشۇنى قوزغىلاڭچىلار بىلەن قوشۇلۇپ، گېرلاخوۋو (Gerlachovo) ئەتراپىدا تۈركىيە قوشۇنىنى تارمار قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي بونسانىڭ پوساۋېن، كرايان قاتارلىق جايلىرىدا قوزغىلاڭ پارتلىغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى گېرلاخوۋو قاتارلىق جايلاردىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە 1859-يىلى يەر قانۇنىنى ئېلان قىلغان. ئەمما بۇ قانۇن يولغا قويۇلمىغان. 1861-يىلى 1-ئايدا قوزغىلاڭ يېڭىباشتىن پارتلاپ، كراستاز، ۋاسوۋېگ ۋە نىكىشىچىنىڭ يېنىدىكى بۇگ جىلغىسىدا بىر قاتار غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي مونتېنېگرونىڭ تۈركىيىگە قارشى ھەربىي ھەرىكىتى مەغلۇپ بولۇپ، قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان. 1862-يىلى 9-ئايدا قوزغىلاڭنىڭ سەردارى ۋۇكالوۋېچ گېرتسېگوۋىنانىڭ ۋەزىرى خورشىد بىلەن «دوبروۋىسا كېلىشىمى»نى ئىمزالاپ، تارادىن سوتورىنو دۆلەت چېگرىسىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەرنى ئون رۇس موسىنىڭ بېجىنى ۋە ئۈچ رۇس موسىنىڭ يەر ئىجارىسىنى تاپشۇرماسلىقتىن ئىبارەت ئېتىبارغا ئىگە قىلغان.

ھېررېرارېسسىگ

  • ھېررېرارېسسىگ[يەشمىسى:]» (Julio Herrera Y Ressig، 1875 — 1910) ئۇرۇگۋايلىق شائىر. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھازىرقى زامانچىلار ۋەكىللىرىنىڭ بىرى. فرانسىيە ۋە ئىسپانىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. «ئوبزور» دېگەن ئەدەبىي ژۇرنالنى چىقارغان ھەمدە «مەنزىرە مۇنارى» دېگەن ئەدەبىي تەشكىلاتقا رەھبەرلىك قىلغان. ئاددىي يېزا مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەشكە ماھىر بولۇپ، ئۇرۇگۋاي تەبىئىتىگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ «كەچكى ئىبادەت»، «تاغ شادلىقى»، «خازان بولغان گۈلباغ»، «بىنەپشە رەڭلىك شېئىر»، «سىفېكسىدىكى مۇنار» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

ھېرودوت

  • ھېرودوت[يەشمىسى:]»(Herodotus ياكى Herodotos، مىلادىدىن تەخمىنەن 425—484 يىل ئىلگىرى قەدىمكى يۇنان تارىخشۇناسى. قەدىمكى زامان رىم يازغۇچىسى سېسېرون ئۇنى «تارىخچىلارنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتىغان. كىچىك ئاسىيادىكى ھالىكارناسۇس (Halicarnassus) شەھىرىدە ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ياشلىق چاغلىرىدا ئېئونىيە مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئوبدان تەربىيە كۆرگەن. ياش-قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، ئۆز يۇرتىدىكى تىراننى ئاغدۇرۇپ تاشلاش سىياسىي كۈرىشىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، ساموس ئارىلىغا كۆچۈپ كەلگەن. كېيىن تىران ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر مەھەل يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇزاق ئۆتمەي ھەرقايسى جايلارغا سەپەر قىلغان، شەرقتە مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغىچە، جەنۇبتا مىسىرغىچە بارغان، غەربتە ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي ۋە سىتسىلىيىگىچە، شىمالدا قارا دېڭىز بويلىرىغىچە يېتىپ بارغان. بۇ مەزگىلدە ھەممە يەردىن قەدىمكى يادىكارلىقلارنى ئىزدەپ تېپىپ زىيارەت قىلغان، دۇنيادا ئۆتكەن قەدىمكى ۋەقەلەرنى توپلىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 447-يىلى ئافىناغا كېلىپ، سىياسىئون پېرىكلېس، تراگېدىيە يازغۇچىسى سوفوكلېس قاتارلىق كىشىلەر بىلەن يېقىن ئالاقە قىلغان ھەمدە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. ئەينى زاماندىكى ئافىنا دېموكراتىيە تۈزۈمىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغان. مىلادىدىن 443 يىل ئىلگىرى تورئى (Thurii) شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ، بۇ شەھەرنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ئافىنادىكى مەزگىلىدە، يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى ئومۇمىي تارىخىنى يېزىپ چىقىشقا بەل باغلىغان، كېيىن ئىخلاس بىلەن «تارىخ »(«يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى تارىخى») نى يېزىشقا كىرىشكەن. ئېھتىمال ۋاپات بولغىچە بۇنى تاماملىيالمىغان بولسا كېرەك. بۇ كىتاب غەربنىڭ تۇنجى تارىخ ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىتاب جەمئىي 9 توم بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىنقى 5 تومى (5-تومىنىڭ 28-بابىغا قەدەر قىسمى)دا غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا ۋە گرېتسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ تارىخىي ۋەقەلىرى، جۇغراپىيىۋى يەر شەكلى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى قاتارلىق ئىشلار ئۈستىدە توختالغان. 5-تومنىڭ 29-بابىدىن تارتىپ تاكى ئاخىرىغىچە مەخسۇس يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى ئۈستىدە توختالغان؛ كىتابتا قەدىمكى دۇنيادىكى 20 دىن كۆپرەك دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، تارىخىي ماتېرىيالغا مول، بۇنى «كىچىك قامۇس» دېيىشكە بولىدۇ. پۈتكۈل ئەسەردىكى ۋەقەلىكنىڭ تىلى راۋان، ئۇسلۇبى جانلىق، خېلىلا ئەدەبىي قىممەتكە ئىگە. ئاپتور گەرچە تەقدىرگە خۇراپىيلەرچە ئىشەنگەن، ئەسەردە قويۇق دىنىي ئىدىيە ساقلانغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا سەل قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ كىتابى يەنىلا غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا ۋە گرېتسىيە رايونلىرىنىڭ «ئومۇمىي تەزكىرىسى» بولۇپ، قەدىمكى زامان دۇنيا تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تارىخىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ھازىر خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بار.

ھېردېر

  • ھېردېر[يەشمىسى:]» (Johann Gottfried Von Herder، 1744 — 1803) گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ، تارىخشۇناس ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت تەنقىدچىسى. ياش ۋاقتىدا ئىلاھىيەتنى تەتقىق قىلىپ، كانتنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغان. 1764 — 1769-يىللىرى رىگادىكى چېركاۋ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىن فرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغان. 1776-يىلى ۋېيمارغا بېرىپ، ئوردا پوپى بولغان. كۆپ خىل بىلىملەرنى ئۆگەنگەن. شېئىرلار توپلىمىنى تەھرىرلەپ چىققان. شۇ زاماندا بىلىمى چوڭقۇر بولۇش بىلەن داڭقى چىققان. مۇكەممەل تارىخىي پەلسەپە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشقان.تارىخ— ئوبيېكتىپ جەريان، تەبىئەت قانۇنىيىتى بويىچە تەرەققىي قىلىدۇ؛ تارىخشۇناسنىڭ ۋەزىپىسى تولىمۇ مۇرەككەپ بولغان تارىخىي پاكىتلاردىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى كۆرۈۋېلىشتىن ئىبارەت، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئىلگىرىلەش جەريانىنى ئۈچ دەۋرگە، يەنى: ئەڭ دەسلەپكى «شېئىرىيەت دەۋرى» يەنى ئىنسانلارنىڭ بالىلىق دەۋرى؛ كېيىن «نەسرىي دەۋر» يەنى ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرا ياشلىق باسقۇچى؛ ئەڭ ئاخىرى «پەلسەپە دەۋرى» يەنى ئىنسانلارنىڭ پىشىپ يېتىلىش دەۋرىگە ئايرىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خېلى كۆپ، ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى — «ئىنسانلارنىڭ تارىخىي پەلسەپىسى ھەققىدە مۇھىم چۈشەنچە»دىن ئىبارەت.

ھېركۇلانو

  • ھېركۇلانو[يەشمىسى:]» (Alexandre Herculano de Carvalho e Araujo، 1810 — 1877) پورتۇگالىيىلىك يازغۇچى، شائىر، تارىخشۇناس. سىياسىي جەھەتتە پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى ھىمايە قىلغان، مىگۇئېل ئۆكتىچىلىرى تەرەپتە تۇرۇپ، «مىگۇئېل ئۇرۇشى»غا قاتناشقان. كېيىن ژۇرنال مۇھەررىرى ۋە خانلىق كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن 1832 — 1834-يىللاردىكى ئىچكى ئۇرۇش تېما قىلىنغان شېئىرلار توپلىمى «مۇرىتلار چىلتارى»، ئەرەبلەرنىڭ ئىبېرىيان يېرىم ئارىلىغا بېسىپ كىرىشى ۋە پورتۇگالىيىدىكى پادىشاھلىق تۈزۈمنىڭ مەنبەسى تەسۋىرلەنگەن تارىخىي رومان «پوپ ئانلىك» ۋە «دەلتە» قاتارلىقلار بار. ئۇ پورتۇگالىيە رومانچىلىقىنىڭ ئاساسچىسى. ئۇنىڭ يەنە «پورتۇگالىيە تارىخى» (تۆت توم) ۋە «پورتۇگالىيە مەھكىمە شەرئىسىنىڭ مەنبەسى ۋە بەرپا قىلىنىشى»دېگەن ئەسەرلىرى بار.

ھېركۇلانېئۇم

  • ھېركۇلانېئۇم[يەشمىسى:]» (Herculaneum) ئىتالىيە نېئاپول قولتۇقىدىكى قەدىمكى شەھەر. كامپانىيە دائىرىسىدىكى ۋېزۇۋىي يانار تېغىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان. پادىشاھ تىتۇس تەختتە ئولتۇرغان چاغدا، مىلادى 79-يىلى رىم كالېندارى بويىچە 8-ئاينىڭ 24-كۈنى يانار تاغ تۇنجى قېتىم پارتلىغاندا، مەشھۇر قەدىمكى شەھەر پومپېي بىلەن بىللە كۆمۈلۈپ كەتكەن. ⅩⅧ ئەسىردە تېپىلغان ھەمدە قېزىلىشقا باشلىغان، كىچىك شەھەرنىڭ تاش بىلەن ياسالغان كوچىلىرى ۋە ئۆي-ئىمارەتلىرى تېپىلغان، نۇرغۇن قوراللار، چىنە-قاچىلار ۋە نەقىش، رەسىم قاتارلىق سەنئەت بۇيۇملىرى تېپىلىپ، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئالدىنقى دەۋرىدىكى ئىتالىيىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىلگەن. يېقىنقى يىللاردىكى قېزىشتا يەنە 100 نەچچە پارچە ئادەم سۆڭىكى، نۇرغۇن ئات سۆڭەكلىرى، بېجىرىم كېمە ۋە ھەربىي قورال، تىللا قاتارلىقلار تېپىلغان. مەدەنىي يادىكارلىقلىرى پومپېي شەھىرىنىڭكىدىن كۆپ ئىكەنلىكى نامايان بولغان ھەمدە ئەينى يىللاردا يانار تاغ پارتلىغان چاغدىكى جانلىق پاجىئەلىك مەنزىرە قايتا نامايان بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، پومپېيلىقلارنى يانار تاغدىن ئېتىلىپ چىققان لاۋىلار كۆيدۈرگەنلىكى، ھېركۇلانېئۇملارنى يانار تاغنىڭ سوۋۇپ قالغان شېغىل-تاش ئېقىنى كۆمۈۋالغانلىقىدىن بولغان. ھازىر بۇ يەر ئۈستى ئوچۇق مۇزېي بولۇپ قالغان.

ھېرلېي

  • ھېرلېي[يەشمىسى:]»(Patrick jay Hurley، 1883 — 1963) ئامېرىكا ئەمەلدارى. دەسلەپ ئادۋوكات، سوتچى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرانسىيىدە ئۇرۇش قىلغان، پولكوۋنىكلىك ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. 1929 — 1933-يىللىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ كېيىن يېڭى زېلاندىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1944-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ شەخسىي ۋەكىلى سۈپىتىدە جۇڭگوغا كەلگەن، يىل ئاخىرىدا جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. گومىنداڭ جياڭ جيېشىنىڭ كومپارتىيىگە، خەلققە قارشى سىياسىتىنى قوللاپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. 1945-يىلى ۋەزىپىدىن ئايرىلىپ ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەن.

ھېرمان

  • ھېرمان[يەشمىسى:]»(Hermann Heijermans، 1864 — 1924) گوللاندىيىلىك دراماتورگ. يەھۇدىي. ئاخبارات مۇخبىرى بولغان. «يەھۇدىيلار رايونى»، «ئۈمىد تۇمشۇقى ناملىق پاراخوت»، «ئوت قويۇش دېلوسى» قاتارلىق 31 سەھنە ئەسىرىنى يازغان ھەمدە «ئالماس شەھەر» قاتارلىق رومانلارنى يازغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇرژۇئازىيىنىڭ دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيىسى ۋە ئىرقچىلىق بىر تەرەپلىمە قارىشى مەلۇم دەرىجىدە پاش قىلىنغان؛ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ناتۇرالىزم تۈسىگە ئىگە بولغان.

ھېرمېس

  • ھېرمېس[يەشمىسى:]»(Hermes)قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى سودا-ساياھەت خۇداسى، رىم ئەپسانىسىدىكى مېركۇرىئۇس (Mercurius). زېۋىس بىلەن مائىيە (Maia،ئاتلاسنىڭ قىزى) نىڭ ئوغلى. ئاركادىيە (جەنۇبىي گرېتسىيە) نىڭ شىمالىغا جايلاشقان گوللېنې (Gyllene) دىكى تاغ ئۆڭكۈرىدە تۇغۇلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۆشۈكتىن ئۆمىلەپ چىقىپ ئاپوللوننىڭ كالا پادىلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن ئوغرىلاپ، يىراققا ئېپكەتكەن، كېيىن بىر يوغان تاشپاقىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ قاسىرىقى بىلەن بىر چىلتار ياساپ تۆلەم ئورنىدا ئاپوللونغا بەرگەن. ئۇ چارۋىچىلىق، سودا، قاتناش ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق ئىشلارنى باشقۇرغان. شۇنداقلا زېۋىسنىڭ سادىق ئەلچىسى بولۇپ، تۈرلۈك مۇقەددەس يارلىقلارنى ئەپچىللىك بىلەن يەتكۈزگەن. ئۇنىڭ ئوبرازى دائىم بېشىغا پەي قىستۇرۇۋالغان شىلەپە كىيگەن، پۇتىغا قانات قىستۇرۇلغان ئۇچار ئاياغ كىيگەن، قولىدا ئىككى يىلان چىرماشقان سەۋلە تۇتقان، پۈتكۈل تۇرقىدىن ئەقىل-پاراسەت ئۇرغۇپ تۇرغان ۋە چەبدەسلىكى چىقىپ تۇرغان قىلىپ تەسۋىرلىنىپ، ئۇ دائىم ئولۇمپوس تېغىدىكى خۇدالارنىڭ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشىغا ياردەملەشكەن. مەسىلەن، ھېرا، ئافىنا ۋە ئافرودىت قاتارلىق ئۈچ مەبۇدىنى باشلاپ، پارس (ترويا شاھزادىسى)نى ئىزدىگەن؛ ھېراكلېسنى باشلاپ، دوزاخقا بېرىپ، «ئۈچ باشلىق ئىت» نى پانىي دۇنياغا ئېپكەلگەن. بوۋاق دىئونىسوس (شاراب خۇداسى)نى قانات ئاستىغا ئالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يېزىق، كالېندار ۋە ماتېماتىكا قاتارلىقلارنى كەشپ قىلغانىكەن، قەدىمكى مىسىردىكى توت (Thoth) ئىلاھىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.

ھېرناندېز

  • ھېرناندېز[يەشمىسى:]»(Josè Hernández، 1834 — 1886) ئارگېنتىنالىق شائىر. ئەسكەر، گېزىت تەھرىرى، پارلامېنت ئەزاسى بولغان. زىيانكەشلىككە ئۇچراپ برازىلىيىدە قاچقۇن بولۇپ يۈرگەن. ئۇنىڭ «مارتىن فىيېلو» دېگەن داستانى ۋە «مارتىن فىيېلونىڭ قايتىپ كېلىشى» دېگەن داۋامى، شۇنىڭدەك «قورۇق ئىگىلىرىنى ئەدەبلەش» دېگەنگە ئوخشاش نەسىرى بار.

ھېرېدىيە

  • ھېرېدىيە[يەشمىسى:]»(Jose maria Herdla، 1803 — 1839) كۇبالىق شائىر ۋە مۇخبىر. سودىيە ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1812-يىلى كاراكاسقا بېرىپ قانۇن ئوقۇغان. 1817-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. ئادۋوكات، پروفېسسور بولغان. 1823-يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشكە قاتناشقانلىقتىن ئۆمۈرۋايەتلىك سۈرگۈنگە ھۆكۈم قىلىنغان. 1825-يىلى مېكسىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مېكسىكا پارلامېنتى ۋە سوتىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ھەمدە «مېكسىكا ژۇرنىلى» نى چىقارغان. 1839-يىلى ئۆپكە تۇبېركۇليوزى بىلەن ئۆلگەن. ئۇ، لاتىن ئامېرىكىسى رومانتىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «سەرگەردانلار قوشىقى»، «چولۇلا مۇنبىرىدە» ۋە «نىئاگارا» قاتارلىقلار بار.

ھېرېرولار قوزغىلىڭى

  • ھېرېرولار قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]» غەربىي جەنۇبى ئافرىقا خەلقىنىڭ گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى قوزغىلىڭى.1884-يىلى گېرمانىيە ئافرىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا بېسىپ كىرگەن. 1892-يىلى گېرمانىيىگە قاراشلىق غەربىي جەنۇبى ئافرىقىنى قۇرۇپ كۆچمەنلەرنى يۆتكەپ كېلىپ، ھېرېرو (Herero) لارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم زېمىنىنى بېسىۋالغان. 1904-يىلى 1-ئايدا ماھېرېرو (Samuel Maherero،1854 — 1923) خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. قوزغىلاڭ پارتلاپ، تېزلىكتە كېڭىيىپ، 7000 كىشىگە يەتكەن. مورانگا (Jacob Moranga، ؟ — 1907)ۋە ۋىتبوئىس (Hendrik Witboois، 1840 — 1905) خوتتېنتوتلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، بۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان. 8-ئايدا خاماكارى (Hamakari) دېگەن جايدا قاتتىق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. كېيىن پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. گېرمانىيە ئەسكىرىي كۈچىنى كەينى-كەينىدىن كۆپەيتىپ ئەنگلىيىنىڭ ياردىمى بىلەن 1907-يىلى قوزغىلاڭنى باستۇرغان، يەرلىك ئاھالىلەرنى دەھشەتلىك قىرغان.

ھېسسې

  • ھېسسې[يەشمىسى:]» (Hermann Hesse،1877 — 1962) شۋېتسارىيىلىك يازغۇچى، لىرىك شائىر، تىنچلىقپەرۋەر. گېرمانىيىدىكى دىن تارقاتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1895— 1903-يىللىرى كىتابخانا ئېچىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان ھەمدە ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. 1919-يىلى شۋېتسارىيىگە كۆچۈپ بارغان. 1923-يىلى شۋېتسارىيە پۇقراسى بولغان. ئۇرۇشقا قارشى تۇرغان، ئىنساننىڭ تەبىئىتى ۋە ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدىكى مەدەنىيەت مەسىلىسى ئۈستىدە قاتتىق ئىزدەنگەن شۇنداقلا روھ تەھلىلچىلىرى ۋە سىمۋولىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1946-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى: «يايلاق بۆرىسى»، «ناشىس بىلەن گېرموندې» («ئۆلۈم ۋە ئاشىق» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ)، «ئەينەك مونچاق ئويۇنى»، شۇنىڭدەك «سەرسانلىق» دېگەن تەرجىمىھالى ۋە «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» دېگەن سىياسىي ئوبزورى قاتارلىقلار.

ھېس ۋەقەسى

  • ھېس ۋەقەسى[يەشمىسى:]» ئامېرىكىدىكى بىر قېتىملىق سىياسىي زىيانكەشلىك قىلىش ۋەقەسى. 1949 — يىلى «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى ۋىتتاك چامبېرىس (Whittaker Chambers، 1901 — 1961) ئامېرىكىغا قارشى پائالىيەتلەرنى تەكشۈرۈش كومىتېتىغا گوۋۇيۈەننىڭ سابىق ئەمەلدارى ئالگېرھېس (AlgerHiss، 1904-)نىڭ ئۆزىنى روسىيىلىكلەرگە بېرىدىغان مەخپىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى پاش قىلغان. ھېس بۇ ئىشنى ئىقرار قىلمىغان. بىراق ھېس يەنىلا جىنايەتچى دەپ بېكىتىلىپ، بەش يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. 1954-يىلى تۈرمىدىن چىققان. ئۇ جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى باشتىن-ئاياغ ئىنكار قىلغان. كېيىن «جامائەتچىلىك سوت مەھكىمىسى» ناملىق بىر كىتاب يېزىپ چىقىپ بۇ ۋەقەنى ئاقلىغان. 

ھېسىئودۇس

  • ھېسىئودۇس[يەشمىسى:]»(Hesiodos ياكى Hesiodus، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ — Ⅶئەسىر) قەدىمكى يۇنانلىق شائىر، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەسلىدە كىچىك ئاسىيادىكى ئىئورىيىلىكلەر قۇرغان مۇستەملىكە شەھىرى كومې (Cume) دىكى سودىگەر، كېيىن ئوتتۇرا گرېتسىيە بېئونىيىدىكى خېلىكون (Helicon) تېغىدىكى ئاسكرا (Ascra) يېزىسىغا كۆچۈپ بېرىپ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ھېسىئودوس مۇشۇ يەردە تۇغۇلغان. چەكلىك مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئىنىسى پېررېس (Perres) بىلەن تالاش-تارتىش قىلىشقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئىنىسى مىراسنى كۆپلەپ ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە ئەمەلدارلارغا پارا بەرگەن، بىراق سوت نەتىجىسى نامەلۇم. ئوركومېنوسقا (Orchomenos) كۆچۈپ بېرىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن. لوكرىس (Locris، پېئوتىيىنىڭ غەربىدە) دائىرىسىدە ئۆلتۈرۈلۈپ، نۇپاكتوس (Nau Pactus) دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغان دېگۈچىلەرمۇ بار. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئەمگەك ۋە مەۋسۇم» ۋە «ئىلاھ شەجەرىسى» قاتارلىقلار بار. ئالدىنقى ئەسەردە يۇناننىڭ يېزا تۇرمۇشى كونكرېت تەسۋىرلەنگەن. كىشىلەرگە قايسى پەسىلدە نېمە ئىش قىلىش، نېمە ئىشنى قىلماسلىق لازىملىقىنى، دېھقانچىلىق بىلەن تىرىشىپ شۇغۇللانسا بەختلىك ئادەم بولالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. شېئىرلىرىدا پېررېسقا: ئىلاھ بىلەن ئادەم تەييار تاپنى يامان كۆرىدۇ، «ئادەم پەقەت ئەمگەك ئارقىلىقلا مال پادىسىغا ئىگە بولالايدۇ، بايلىققا ئېرىشەلەيدۇ، پەقەت ئەمگەك قىلغان كىشىلا تەڭرىنىڭ شاپائىتىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ» دېگەن. كېيىنكى ئەسىرىدە دۇنيانىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەڭرىلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشى تەسۋىرلەنگەن. قەدىمكى ئەپسانىدىن تىزىپ چىقىلغان ئىلاھ شەجەرىسى يۇناندىكى دىنىي ئەپسانىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى چۈشىنىشتە ناھايىتى مۇھىم قىممەتكە ئىگە. ھېسسىئودوس بىلەن گومېر گرېتسىيىنىڭ يىراق قەدىمكى زامانىدىكى ئىككى شائىرى دەپ ئاتالغان (گومېردىن تەخمىنەن بىر ئەسىردىن كېيىن ئۆلگەن). بىراق، گومېر ئاساسەن تەڭرىلەرنىڭ ئۇرۇشى، تەۋەككۈلچىلىكى قاتارلىق قەھرىمانلىق ئىش پائالىيەتلىرىنى مەدھىيىلىگەن. ھېسسىئودوس بولسا، كۆپىنچە كۈندىلىك ئەمگەك تۇرمۇشىنى بايان قىلغان ھەمدە تەلىم-تەربىيە خاراكتېرى ئالغان. ئۇنىڭ شېئىرى ئەدەبىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە. بۇ ئەسەرلەر يۇناننىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىساد سىنىپىي قۇرۇلمىسى، بولۇپمۇ ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكىگە دائىر ئەھۋاللارنى ئەكس ئەتتۈرگەن. شۇنداقلا ئىنسانلار ئالتۇن دەۋر، كۈمۈش دەۋر، مىس دەۋر، قەھرىمانلار دەۋرى، تۆمۈر قورال دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. تۆمۈر قورال دەۋرىدىكى ھوقۇقدار ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ھەققانىيەتسىزلىكىنى پاش قىلغان. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مونوپول ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى ئەيىبلىگەن.

ھېكاتائېس

  • ھېكاتائېس[يەشمىسى:]»(Hecataeus، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 550 — 478) قەدىمكى يۇناندىكى ئىئونىيىنىڭ «خاتىرشۇناسى» ۋە جۇغراپىيىشۇناسى. مىلېت شەھىرىدىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى جايلارنى ساياھەت قىلغان. كۆرگەن، بىلگەنلىرى ناھايىتى كۆپ، مىلادىدىن ئىلگىرى 500 — 494 يىللار ئارىلىقىدا بولغان ئىئونىيە قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. ئۆز شتاتىدىكى خەلققە ۋەكىللىك قىلىپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانىدىن نىجاتلىق تىلەپ، قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. «ساياھەت خاتىرىسى» دېگەن ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ جايلاردا بىۋاسىتە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلغان. ئۇ شۇ زاماندىكى گرېكلارغا مەلۇم بولغان دۇنيانى ياۋروپا ۋە ئاسىيا دەپ ئايرىغان ھەمدە خەرىتە سىزىپ چىققان. ئەسەرنىڭ مەزمۇنى مول، تىلى جانلىق. «شەجەرە تەزكىرىسى» دە ئۆز يۇرتى ئىئونىيە رايونىدا بولۇپ ئۆتكەن تارىخىي ۋەقەلەر ۋە قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىنى خاتىرىلىگەن. ئۇنىڭ بىرمۇنچە پارچە ئەسەرلىرى تا ھازىرغىچە تارقالغان. ھىرودوتۇس ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ماتېرىياللارنى كۆپلەپ نەقىل كەلتۈرگەن.

ھېكتور

  • ھېكتور[يەشمىسى:]» (Hektor ياكى Hector) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ترويالىق باتۇر. ترويا شەھىرى (كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان) پادىشاھى پرىئام بىلەن خانىكە ھېكابا (Hecuba) نىڭ چوڭ ئوغلى. ئاندروماكې (Andromache) نىڭ ئېرى. ترويا ئۇرۇشىدا ترويا تەرەپنىڭ سەردارى بولۇپ، يۇنان ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان، ئۇ، «ترويالىقلارنىڭ قورغىنى» دەپ نام ئالغان. گومېرنىڭ داستانى «ئىليادا»دا ئۇ جەسۇر بولۇپ، يۇناننىڭ نۇرغۇن باتۇرلىرىنى يەڭگەن ۋە ئۆلتۈرگەن، جۈملىدىن ئاكىللېسنىڭ يېقىن دوستى پاتروكلۇس(Patroclus) نى ئۆلتۈرگەن، ئاكىللېس ئۆز دوستى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىپ جەڭ مەيدانىدا ھېكتورنى ئۆلتۈرگەن ھەم ئۇنىڭ جەسىتىنى سۆرەپ ئەكەتكەن دەپ تەسۋىرلەنگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ جەسىتى ئۇدا ئون ئىككى كۈن دەپنە قىلىنمىغانىكەن، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاكىللېس جەڭ ھارۋىسى بىلەن جەسەتنى سۆرەپ، پاتروكلۇسنىڭ قەبرىسىنى ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ چىقىدىكەن؛ بەختكە يارىشا ئاپوللوننىڭ قوغدىشى بىلەن ئۇنىڭ جەسىتى زەخىم بولمىغانىكەن. پرىئام ئاخىرى كۆپ پۇل چىقىرىپ ئۇنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئۇنى دەپنە قىلغانىكەن. «ئىليادا» ترويالىقلارنىڭ ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەنلىكى بىلەن ئاخىرلاشقان.

ھېكىسلېي

  • ھېكىسلېي[يەشمىسى:]» (Thomas Henry Huxley، 1825 — 1895) ئەنگلىيە ناتۇرالىستى، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى تەرەپدارى، ئېيلىڭ (Ealing) دا تۇغۇلغان. 1845-يىلى لوندوندا خانلىق تىببىي شۆيۈەنىنىڭ لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىنى ئالغان. 1846 — 1850-يىللىرى ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي دېڭىز ياقىسى ۋە يېڭى گۋىنىيىگە بارىدىغان تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە دېڭىز ئارمىيە دوختۇرى سۈپىتى بىلەن قاتناشقان. 1854-يىلى خانلىق كانچىلىق شۆيۈەنىدە تەبىئەت تارىخى لېكتورى، پروفېسسورى بولغان.1872-يىلى ئابېردىن داشۆسىنىڭ پەخرىي مۇدىرى بولغان. 1873-يىلدىن باشلاپ لوندون خانلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى بولغان. 1883 — 1885-يىللىرى بۇ جەمئىيەتنىڭ باشلىقى بولغان. ئۆمۈر بويى زوئولوگىيە، قەدىمىي بىئولوگىيە، سېلىشتۇرما ئاناتومىيە، ئانتروپولوگىيە ۋە تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئىمبېرۇئولوگىيە ۋە سېلىشتۇرما ئاناتومىيىسىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئورنىنى بېكىتكەن، ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلار، بولۇپمۇ ئىنسانلار بىلەن ئادەمسىمان مايمۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بايان قىلغان، ئادەم بىلەن ئادەمسىمان مايمۇننىڭ ئەجدادى بىر دەيدىغان نەزەرىيىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. دارۋىننىڭ «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى» دېگەن مەشھۇر ئەسىرى نەشىر قىلىنغاندىن (1859-يىلى) كېيىن، ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان ۋە تەشۋىق قىلغان. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە قارشى دىنىي كۈچلەر بىلەن ئېلىپ بارغان بەس-مۇنازىرىلەردە دارۋىننىڭ تەلىماتىنى (ئۆز-ئۆزىنى دارۋىننىڭ كەتمىنىنى چاپتىم دەۋالغان) قوغدىغان. 1860-يىلى ئەنگلىيە ئىلىم-پەن جەمئىيىتىنىڭ ئوكسفورد يىغىنىدا تەدرىجىي تەرەققىيات توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بەس-مۇنازىرىدە ئېپىسكوپ ۋىلبىرفورسې (Samuel Wilberforce، 1805 — 1873)غا مۇۋەپپەقىيەتلىك رەددىيە بېرىپ، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. لېكىن پەلسەپە جەھەتتە بىلگىلى بولماسلىق نەزەرىيىسىگە پېتىپ قالغان. «بىلگىلى بولماسلىق نەزەرىيىسى» دېگەن سۆزنى تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەن. ئۇ ئادەم پەقەت ھېس قىلغان ھادىسىنىلا بىلەلەيدۇ. «ماددىي ئەمەلىي نەرسە»نى ۋە ئادەمنىڭ تۇيغۇسىنى پەيدا قىلغان ھەقىقىي سەۋەبلەرنى بىلگىلى بولمايدۇ، دەپ ھېسابلىغان. بىراق تەبىئىي پەنلەرگە ئائىت بەزى كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندا ماتېرىيالىزملىق مەيداندا تۇرۇپ، ماددا مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئېنېرگىيە يوقالمايدۇ، دەپ قارىغان. «ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئورنى»، «ھايۋانلارنى تۈرگە ئايرىش ھەققىدە»، «غەيرىي دىنىي ئەربابنىڭ دىن ھەققىدىكى پىكرى»، «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بىلەن ئەخلاقشۇناسلىق» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئاخىرقى ئەسىرىنىڭ ئالدىنقى ئىككى بابىنى يەن فۇ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. («تەبىئەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى نەزەرىيىسى»).

ھېللاس

  • ھېللاس[يەشمىسى:]»(Hellas) قەدىمكى يۇناننىڭ باشقىچە ئاتىلىشى. «گرېتسىيە» (Graecia) ياكى (Greece) نىڭ مەنىسى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشايدۇ. ئادەتتە گرېتسىيىنىڭ ئۆز زېمىنىنى (بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمى) بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئومۇمەن گرېكلار (Graeci ياكى Hellenes) ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ھەممىسىنى «ھېللاس» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ؛ گرېكلارنىڭ مۇستەملىكە شەھەرلىرى، مەسىلەن، شىمالىي ئافرىقىدىكى كىرېنا، كىچىك ئاسىيادىكى مىلېت، سىتسىلىيە ئارىلىدىكى سىراكۇزى، جەنۇبىي ئىتالىيىدىكى تالىنتون قاتارلىق جايلار شۇ جۈملىگە كىرىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يىراق قەدىمكى زاماندا، تىسسالىيە (شىمالىي يۇنان)نىڭ جەنۇبىدىكى فوتىئوت (Phthiotis) نىڭ دائىرىسىدە ھېللاس دەيدىغان بىر كىچىك شەھەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئاھالىلىرى «ھېللاسلار» (Hellenes) دەپ ئاتىلىدىكەن. كېيىن بۇ سۆز گرېتسىيە ۋە گرېكلارنى كۆرسىتىشتە قوللىنىلغانىكەن.

ھېلگوللاند شەرتنامىسى

  • ھېلگوللاند شەرتنامىسى[يەشمىسى:]» «زانزىبار شەرتنامىسى» ياكى«ھېلگولاند-زانزىبار شەرتنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ ئېكۋاتور شەرق ئافرىقىسىنى بۆلۈشۈۋالغان شەرتنامە. 1890-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ھېلگولاند (Helgoland) ئارىلىدا ئىمزالانغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، گېرمانىيە ئەنگلىيىنىڭ بۇگاندا (بۈگۈنكى ئۇگاندا)غا بولغان ئىشغالىيىتىنى ۋە زانزىبار، پىمبا ئارىلى ھەمدە شەرقىي ئافرىقىنىڭ دېڭىز بويىدىكى ۋىتۇ (Vitu) دىن جۇبا (Juba) دەرياسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى رايونلارغا قارىتا «ھامىيلىق ھوقۇقى»نى ئېتىراپ قىلغان. ئەنگلىيە گېرمانىيىنىڭ تانگانىكا، غەربىي-جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كاپرىۋىي (Caprivi) رايونىغا بولغان ئىشغالىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە شىمالىي دېڭىزدىكى ھېلگولاند ئارىلىنى گېرمانىيىگە ئايرىپ بەرگەن.

ھېللېسپون

  • ھېللېسپون[يەشمىسى:]» (Hellespontus) قەدىمكى گرېكلارنىڭ مەرمەر دېڭىزى بىلەن ئېگېي دېڭىزى (بۈگۈنكى داردانىل بوغۇزى)نى تۇتاشتۇرىدىغان دېڭىز بوغۇزىنى ئاتىشى. مەنىسى «ھېللې دېڭىزى» دېگەنلىك بولۇپ، يۇنان ئەپسانىلىرىگە ئاساسلانغاندا، مەبۇدە ھېللې (Helle) مۇشۇ يەردە دېڭىزغا ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغان. شۇڭا ھېللې دېڭىزى دەپ ئاتالغان. قارا دېڭىزدىن ئوتتۇرا دېڭىزغا ئۆتۈشتىكى بىردىنبىر يول ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 61 كىلومېتر، ئەڭ كەڭ يېرى 4.6 كىلومېتر، ئەڭ تار يېرى 3.1 كىلومېتر بولۇپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ چېگرىسىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي قىرغىقى (ياۋروپاغا قارايدۇ) قەدىمكى زاماندا فراكىيە دەپ ئاتالغان. كېسون (بۈگۈنكى كالىپورى يېرىم ئارىلى)، شەرقىي قىرغىقى (ئاسىياغا قارايدۇ) تروئاد (Troad) بولۇپ، مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە. ئېيتىشلارغا قارىغاندا پېرسىيە پادىشاھى شېرشېسⅠ گرېتسىيىگە تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىلگىرى (مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى)غەربىي تەرەپتىكى سېست (Sestus) بىلەن شەرقىي تەرەپتىكى ئابىدۇ (Abydus) ئوتتۇرىسىدا ئاسما كۆۋرۈك سېلىنغانىكەن.

ھېلوتلار

  • ھېلوتلار[يەشمىسى:]»(Heilotes ياكى Helotae، Helots). قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ سپارتادىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قۇللار. بۇلار سپارتالىقلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان لاكونىيە، مېسىنىيە رايونلىرىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ئاساسەن ئەسلىدىكى ئاخىيلار دەپ قارىلىدۇ. بۇلار سپارتالىقلارنىڭ ئۈلۈشلۈك يېرىگە مەجبۇرىي ھالدا باغلىنىپ، سپارتالىقلار ئۈچۈن مەجبۇرىي يەر تېرىپ بەرگەن. ئالاھازەل ھوسۇلنىڭ يېرىمىنى (ئاشلىق، ماي، ھاراق قاتارلىقلار) خوجايىنغا تاپشۇرغان. يەتتە ئائىلىلىك ھېلوتلار بىر ئائىلىلىك سپارتالىق قۇلدارنى باققان. ئۇرۇش ۋاقتىدا يەنە ئۇلار سپارتا ئارمىيىسى ئۈچۈن ئېغىر ھاشارنى ئۈستىگە ئالغان. ئاددىي دېھقانچىلىق سايمانلىرى بىلەن بىر قىسىم مەھسۇلاتقا ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلغان. ئەمما ئۇلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ئەركىنلىكى بولمىغان. ھېلوتلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش — سپارتا دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيىسى بولۇپ قالغان. سپارتا ھۆكۈمرانلىرى، بولۇپمۇ ھەر يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مۇپەتتىش ئەمەلدارلىرى كۆپىنچە ھېلوتلارنى كوللېكتىپ قىرغىن قىلغان (بۇ «كرىپىتىيە» دەپ ئاتالغان). سپارتالىقلارنىڭ ھېلوتلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ئۇسۇلى «ھېلوت تۈزۈمى» دەپ ئاتالغان. بۇ خىل ئىپتىدائىي قۇللۇق ئېكسپىلاتاتسىيە ئۇسۇلى، ئەينى زاماندىكى كرىت ئارىلى بىلەن تىسسالىيە (شىمالىي گرېتسىيە) ئەتراپىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ھېلوتلار كۆپ قېتىم سپارتاغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ ئۈچىنچى قېتىملىق مېسىنىيە ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرى 464 — 455)نىڭ كۆلىمى ئەڭ زور بولغان. مىلادىدىن 370 يىل ئىلگىرىدىن كېيىن سپارتانىڭ زوراۋانلىق ھوقۇقى ئاجىزلاپ بارغان. مېسىنىيە سپارتادىن ئاجرىتىلىپ چىقىپ مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. ھېلوتلارمۇ پەيدىنپەي سپارتانىڭ قۇللىقىدىن قۇتۇلۇشقا باشلىغان.

ھېلۋېتىئوس

  • ھېلۋېتىئوس[يەشمىسى:]»(Claude Advien Helvetius، 1715 — 1771) فرانسۇز پەيلاسوپ، مەرىپەتپەرۋەر مۇتەپپەككۇر. ئوردا دوختۇرى ئائىلىسىدىن چىققان، 1738-يىلى باج ھۆددىگىرى بولغان. 1751-يىلى خىزمەتتىن چېكىنىپ تەركىدۇنيا بولۇپ ياشىغان. 1765-يىلى فرىدرىخ Ⅱ نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بېرلىننى زىيارەت قىلغان. دۇنيانىڭ ماددىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ماددىنى ھاسىل قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك كەڭلىك، زىچلىق ۋە قوشۇلماسلىقتۇر، ھەرىكەت (مېخانىك ھەرىكەت) ماددىنىڭ خاسلىقىدۇر، دەپ ھېسابلىغان. بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتە لوكنىڭ تۇيغۇ نەزەرىيىسىنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ، ئادەمنىڭ بارلىق ئىقتىدارىنى تۇيغۇدىن ئىبارەت دېيىشكە بولىدۇ، ئاڭنى تۇيغۇنىڭ يىغىندىسى دېيىشكە بولىدۇ، دەپ قارىغان، ئۇ يەنە تۇيغۇ نەزەرىيىسىنى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ساھەسىگە تەتبىقلاپ، «ئۆزىنى سۆيۈش پرىنسىپى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئادەمنىڭ تەبىئىتى خاپىلىقتىن خالى بولۇش، كۆڭۈل ئېچىش دەپ قارىغان؛ «ئادەم — مۇھىتنىڭ مەھسۇلى» دېگەن پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەمئىيەتتىكى جىنايەتلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن، سىياسىي تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش ۋە قانۇن چىقىرىش كېرەك دەپ قارىغان. لېكىن يەنە قانۇننىڭ مۇكەممەللىشىشى ئىنسان ئەقلىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا باغلىق دەپ قارىغان، شۇڭا پىكىر ئارقىلىق دۇنيانى ئىدارە قىلىش»، «تەربىيە ھەممىگە قادىر»دېگەنگە ئوخشاش ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ تەلىماتى خىيالىي سوتسىيالىزم ۋە مەنپەئەتپەرەسلىككە تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى «روھ توغرىسىدا»، «ئادەم توغرىسىدا» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ھېلېن

  • ھېلېن[يەشمىسى:]»(Helene ياكى Helen) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ساھىبجامال. زېۋىس بىلەن ئىتولىيە مەلىكىسى لېدا (Leda) دىن تۇغۇلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن داڭق چىقارغان. بالىلىق دەۋرىدە تېسېۇس ئافىناغا ئالداپ ئېلىپ كەتكەن، كېيىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن. سپارتا پادىشاھى تىندارېئۇس (Tyndareus) نىڭ مەلىكىسى بولۇپ، ئودىسسىئۇسنىڭ تەكلىپى بىلەن، نۇرغۇن تەكلىپ قويغۇچىلار ئىچىدە مېنېلائوس (ئاگامېمنوننىڭ ئىنىسى)نى تاللىغان ھەم ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان. مېنېلائوس سپارتا تەختكە ۋارىسلىق قىلغان، رىۋايەت قىلىنىشىچە مەبۇدە ئافرودىت ترويا شەھىرى (كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالى) شاھزادىسى پارسنىڭ ھېلېننى ئېلىپ قېچىشىغا ياردەملەشكەن، شۇنىڭ بىلەن يۇنانلىقلارنىڭ تروياغا جازا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى كېلىپ چىققان، ترويا قولدىن كەتكەندىن كېيىن، ھېلېن مېنېلائوس بىلەن بىللە سپارتاغا قايتىپ كەلگەن.

ھېمىڭۋاي

  • ھېمىڭۋاي[يەشمىسى:]» (Ernest Hemingway،1899 — 1961)ئامېرىكىلىق يازغۇچى. يېزا-قىشلاق دوختۇرى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان.ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا يېزىقچىلىققا كىرىشكەن، مۇخبىر بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيىدە جەڭ مەيدانىدا سانىتار بولغان ھەم ئېغىر يارىدار بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن پارىژدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان.1926-يىلى «قۇياشمۇ كۆتۈرۈلدى» دېگەن رومانى ئېلان قىلىنىش بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇنىڭدا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇرۇش ئازابىنى چەككەن كىشىلەرنىڭ چۈشكۈن كەيپىياتى تەسۋىرلەنگەن، ئۇرۇشقا قارشى ئاڭ ئىپادىلەنگەن. 1936—1939-يىللىرى ئىسپانىيە خەلقىنىڭ فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىنى ئاشكارىلىغان. 1961-يىلى ئۆلۈۋالغان. ئۇنىڭ «خەير-خوش، قورال»،«بەشىنچى كالوننا»،«جەڭ مەيدانىدىكى قوڭغۇراق ئاۋازى» دېگەن ئەسەرلىرى، «دەريادىن ئۆتۈپ ئورمانلىققا كىرىش»،«بوۋاي بىلەن دېڭىز» دېگەنگە ئوخشاش پوۋېستى بار. 1954-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان.

ھېنرىخⅠ (ئوۋچى)

  • ھېنرىخⅠ (ئوۋچى)[يەشمىسى:]»(HeinrchⅠ der Vogler، تەخمىنەن 876 — 936).گېرمانىيە كورۇلى (919 — 936)، ساكسونىيە خاندانلىقىغا ئاساس سالغۇچى. ئەسلىدە ساكسونىيە گرېتسوگى. ئېيتىلىشىچە ئەلچىلەر ئۇنىڭغا گرېتسوگ بولۇپ سايلانغانلىقىنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن يېنىغا بارغاندا، ئۇ دەل بۈركۈتنى قويۇپ بېرىپ قۇش ئوۋلاۋاتقانىكەن، شۇڭا، شۇنداق نام بېرىلگەنىكەن. ئۇ تەختتىكى مەزگىلىدە، ئوتتۇرا، ئۇششاق فېئوداللارغا تايىنىپ، رىتسارلار قوراللىق قىسمىنى تەشكىللەپ، مۇنارخىيىنى كۈچەيتكەن. مىلادى 925-يىلى لوررانېنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. 928 — 932-يىللىرى شەرققە قاراپ كېڭەيمىچىلىك قىلىپ پورابىسلاۋىيانلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالغان، بۇ براننېبۇرگ (كېيىن براندېنبۇرگقا ئۆزگەرتىۋالغان)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 933-يىلى ماجارلارنى مەغلۇپ قىلىپ، دوناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىم رايونلىرىنى بېسىۋالغان.

ھېنرىخⅢ

  • ھېنرىخⅢ[يەشمىسى:]»(1) ھېنرىخ Ⅲ (Heinrich Ⅲ، 1017 — 1056) گېرمانىيە كورۇلى (1039 — 1056). مۇقەددەس رىمنىڭ ئىمپېراتورى (1039 — 1056؛ 1046-يىلى ئىمپېراتورلۇق تاجىنى كىيگەن).كونرادⅡنىڭ ئوغلى. 1046 — 1047-يىللىرى ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، ئۆزئارا بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۈچ پاپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۈچ نەپەر گېرمانىيىلىكنى پاپا قىلىپ تىكلىگەن،ئالدىنقى ئىككىسى ئۇزاق ئۆتمەي رىم ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، ئۈچىنچىسى لېئوⅨ (LeoⅨ، 1049 — 1054 يىللىرى تەختتە بولغان) دەپ ئاتالغان. چېركاۋنىڭ مەنىۋى ۋە ماددىي كۈچىگە تايىنىپ فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش غەرىزىدە، چېركاۋنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىسلاھات ھەرىكىتى («كلونىي ھەرىكىتى»گە قاراڭ )نى قوللىغان. (2) ھېنرىيⅢ ( HenryⅢ، 1207 — 1272). پلانتاگېنېت خاندانلىقىنىڭ كورۇلى(1216— 1272).ئەنگلىيە كورۇلى جون (زېمىنسىز)نىڭ چوڭ ئوغلى. توققۇز يېشىدا تەختكە چىققان، چوڭ ئاقسۆڭەكلەر نائىپلىق قىلغان. 1227-يىلى ئۆزى سوراشقا باشلىغان. تەختتىكى مەزگىلىدە پاپا ۋە خانىكىنىڭ فرانسىيىلىك قۇدا-باجىلىرىغا تايىنىپ، مەملىكەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاقسۆڭەكلەر بىلەن قارشىلاشقان.1257-يىلى ئىككىنچى ئوغلى ئېدمۇند(Edmund)غا ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى ئېلىپ بېرىش غەرىزىدە، پاپا بىلەن ئەينى زاماندا سىتسىلىيىنىڭ كورۇلى بولۇپ تۇرغان گېرمانىيىلىك خوجېنستۇفېن (Hohenstaufen) خاندانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا ئارىلاشقان، پاپاغا 135 مىڭ مارك ئۇرۇش خىراجىتى يىغىپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان ھەمدە مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئاقسۆڭەكلەر، رىتسارلارغا سېلىق سالغان. 1258-يىلى ئاقسۆڭەكلەر رىتسارلار ۋە شەھەر ئاھالىسى بىلەن بىرلىشىپ، كورۇل ئوردىسىغا بېسىپ كىرىپ «ئوكسفورد نىزامى»نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاپ، پادىشاھلىق ھوقۇقىنى 15 نەپەر ئاقسۆڭەكنىڭ نازارىتى ئاستىغا قويغان. 1261-يىلى ھېنرى بۇ نىزامنى بىكار قىلىپ، ئىچكى ئۇرۇشنى (1263 — 1267) كەلتۈرۈپ چىقارغان.1264-يىلى، ئاقسۆڭەك ئۆكتىچىلەر گۇرۇھىنىڭ يولباشچىسى سىموندې مونفور ھېنرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ھېنرى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئېدۇئارد(كېيىنكى ئېدۇئاردⅠ)نى ئەسىرگە ئالغان. ئىككىنچى يىلى ئېدۇئارد ئەسىرلەر لاگېرىدىن قېچىپ چىقىپ، سىموندې مونفورنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ھېنرىنى قۇتقۇزۇپ تەختنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. (3) ھېنرىⅢ(HeinriⅢ،1551 — 1589). فرانسىيە — ۋالو (ۋارويا) خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى (1574 — 1589).1572-يىلى 8-ئايدا، ئاپىسى كاتېرىنا مېدىچ بىلەن پارىژدا خۇگۇ ئېنوتچىلارنى قىرغىن قىلىش (يەنى «سىن باتولومى پاجىئەسى»)نى پىلانلاپ خۇگۇ ئېنوتچىلار ئۇرۇشىنى بارغانسېرى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن. 1573-يىلى پولشا كورۇللۇقىغا سايلانغان.1574-يىلى، ئاكىسى، فرانسىيە كورۇلى چارلېسⅨ (CharlesⅨ،1560 — 1574-يىللىرى تەختتە بولغان)نىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ، پارىژغا قايتىپ كېلىپ، كورۇللۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان.خۇگۇ ئېنوتچىلار ئۇرۇشى داۋامىدا ھېنرى گېس باشچىلىقىدىكى كاتولىك دىنى گۇرۇھى بىلەن ھېنرى (ناۋاررالىق) باشچىلىقىدىكى ھۇگۇ ئېنوتچىلار ئوتتۇرىسىدا بىقارار بولۇپ كەلگەن. دەسلەپ ھېنرى گېسقا يېقىنلىشىپ، ھېنرى (ناۋاررالىق)غا قارشى تۇرغان.كېيىن ھېنرى گېسنىڭ ھوقۇقىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ بىلەن ئۆچەكىشىپ قالغان. 1588-يىلى پارىژدا كورۇلغا قارشى قوزغىلاڭ بولۇپ، چارتىرىې (Chartres، پارىژنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان)غا قېچىپ كەتكەن. شۇ يىلى ئادەم ئەۋەتىپ ھېنرى گېسنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.1589-يىلى ھېنرى (ناۋاررالىق) بىلەن بىرلىشىپ، پارىژغا ئەسكەر باشلاپ كىرگەن، ئۇزاق ئۆتمەي دومىنكان مۇناخى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ھېنرى (ناۋاررالىق) فرانسىيىنىڭ كورۇللۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزىنى ھېنرى Ⅳ دەپ ئاتىغان.

ھېنرىخⅣ

  • ھېنرىخⅣ[يەشمىسى:]» (1) ھېنرىخ Ⅳ(Heinrich Ⅳ، 1050 — 1106) گېرمانىيە كورۇلى (1056 — 1106).مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى (1056—1106، 1084-يىلى تاج كىيدۈرۈلگەن).گۆدەك ۋاقتىدا تەختكە چىقىرىلغان ئەمما ئاپىسى نائىپلىق قىلغان(1062-يىلغىچە)، بۇ مەزگىلدە فېئوداللار داۋاملىق خان جەمەتىنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالغان. 1066- يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن مۇنارخىيىنى كۈچەيتىپ، خان جەمەتىنىڭ قولىدىن كەتكەن زېمىنىنى قايتۇرۇۋالغان، شۇ سەۋەبتىن، فېئوداللارنىڭ نارازىلىقى قوزغىلىپ، 1073 — 1075-يىللىرىدىكى ساكسونىيە قوزغىلىڭىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىشقا تاس قالغان. ئۇ يەنە رىم پاپاسى گرىگورىي Ⅶ بىلەن ئېپىسكوپلۇققا تەيىنلەش ھوقۇقىنى تالاشقان؛1076-يىلى ۋۇرمىس دىنىي يىغىنىدا پاپانى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇ يىلى پاپا ئۇنى دىندىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئىمپېراتورلۇق ئورنىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغان، شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە چوڭ فېئوداللىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن.1077-يىلى 1-ئايدا، ئۇ كانوسسادا تۇرۇۋاتقان پاپانىڭ قېشىغا كېلىپ «گۇناھىغا توۋا» قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن ئۇ يەنە 1084-يىلى رىمغا بېسىپ كىرىپ گرىگورىي Ⅶ نى بىكار قىلىپ، ئورنىغا كلېمېنتⅢ (Clement Ⅲ، 1187—1191-يىللىرى تەختتە بولغان)نى يېڭى پاپا قىلىپ تىكلىگەن ھەمدە كلېمېنت Ⅲ ھېنرىخ Ⅳ گە تاج كىيدۈرگەن.(2) ھېنرىي Ⅳ(Heinyr Ⅳ،1367— 1413).ئەنگلىيە كورۇلى (1399 — 1413).لانكاستېر گرېتسوگى جۇن (John of Gaunt، 1340 — 1399)نىڭ ئوغلى.1398-يىلى كورۇل رىچارد Ⅱ تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان. 1399-يىلى 7-ئايدا، رىچاردنىڭ ئېرلاندىيىگە يۈرۈش قىلغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، بىر تۈركۈم ئاقسۆڭەكلەرنى توپلاپ، رىچاردنى تەختتىن ھەيدەپ، ئۆزىنى كورۇل قىلىپ تىكلەپ، لانكاستىرلار خاندانلىقىنى بەرپا قىلغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە، چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنى بېسىپ، ئۇششاق ئاقسۆڭەك ۋە ھاللىق شەھەر ئاھالىسىگە تايىنىپ، پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتكەن، لولاردچىلارنى باستۇرغان. (3)ھېنرىⅣ (Heinri Ⅳ، 1553 — 1610).فرانسىيە بوربون خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1589—1610)، ناۋاررا كورۇلى (1572 — 1589).1569-يىلى لۇئى كوندې (Louislide Conde، 1530— 1569)دىن كېيىن خۇگۇ ئېنوتچىلارنىڭ يولباشچىسى بولغان. 1572-يىلى ناۋاررا پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپ ئۆزىنى ھېنرى (ناۋاررا)(Heinride Navarra)دەپ ئاتىغان. شۇ يىلى 8-ئايدا، فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅸ(Chailes Ⅸ، 1560 — 1574-يىللىرى تەختتە بولغان)نىڭ سىڭلىسى مارگېرىت ( Marguerite de France [de Valois]، 1553 — 1615) بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى بىلەن خۇگۇ ئېنوتچىلار مۇرىتلىرى ئەسلىدە قۇدا چۈشۈش ئارقىلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە توقۇنۇشنى (ئىككى تەرەپ 1562-يىلى ئەسكەر تارتىپ تۇتۇشقان، بۇ، تارىختا خۇگۇ ئېنوت ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان) پەسەيتىش كويىدا بولغان. بىراق كاتولىك دىنى گۇرۇھىنىڭ يولباشچىسى ھېنرى گېس ۋە خانىكە كاتېرىنامېدىچ 8-ئاينىڭ 24-كۈنى خۇگۇ ئېنوت دىنىي مۇرىتلىرى ئۈستىدىن چوڭ قىرغىنچىلىق (يەنى «سىت باتولومى پاجىئەسى») ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاپ، خۇگۇ ئېنوت ئۇرۇشىنىڭ قايتا باشلىنىشىغا سەۋەب بولغان. 1589-يىلى 8ئايدا فرانسىيە كورۇلى ھېنرىⅢ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھېنرى Ⅳ تەختكە چىققان. 1593-يىلى خۇگۇ ئېنوت مۇرىتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا پەرۋا قىلماي، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 1594-يىلى پارىژغا كىرىپ، رەسمىي تاج كىيگەن. شۇنىڭ بىلەن خۇگۇ ئېنوت ئۇرۇشى ئاياغلاشقان.1598-يىلى «نانت يارلىقى»نى چىقىرىپ، كاتولىك دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ جاكارلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇگۇ ئېنوت مۇرىتلىرىنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ياۋروپادا دىنىي كەڭچىلىك قىلىشنىڭ نەمۇنىسىنى باشلاپ بەرگەن. كروكان قوزغىلىڭىنى باستۇرغان، بويسۇنمىغان ئاقسۆڭەكلەرنى قاتتىق جازالىغان. 1593-يىلدىن كېيىن ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىرماي، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى قاتتىق يولغا قويغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە، قوغدىنىش چېگرا بېجى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، قوي يۇڭى، مەشۇت قاتارلىق خام ئەشيالارنى ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان، قول سانائەت ئىشخانىلىرىنى ۋە سودا شىركەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن ھەمدە 1604-يىلدىن باشلاپ كاناداغا ئاھالە كۆچۈرگەن؛ خەلقنى ئارام ئالدۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلەتكەن. سىرتقا قارىتا ئەنگلىيە قاتارلىق پروتىستانت دىنىي دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىسپانىيە ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ تاجاۋۇزىدىن مۇداپىئەلەنگەن. 1610-يىلى 5-ئايدا جاھىل كاتولىك دىنى مۇرىتى راۋالياك (Francois Ravaillac، 1578 — 1610)تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

ھېنرىخⅤ

  • ھېنرىخⅤ[يەشمىسى:]» (1)ھېنرىخ Ⅴ(Heinrich Ⅴ، 1081 — 1125) گېرمانىيە كورۇلى (1106 — 1125)،مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1106 — 1125؛ 1111-يىلى تاج كىيدۈرۈلگەن).ھېنرىخ Ⅳ نىڭ ئوغلى.دەسلەپ پاپا پاسكال Ⅱ(Paschalis Ⅱ، 1099 — 1118-يىللىرى تەختتە بولغان) بىلەن بىرلىشىپ ئاتىسى كورۇلغا قارشى تۇرغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن، پاپا بىلەن ئېپىسكوپلۇققا قويۇش ھوقۇقىنى تالىشىپ، 1111-يىلى ئىتالىيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، بىر مەزگىل پاسكال Ⅱنى بويسۇندۇرۇۋالغان. 1122-يىلى يېڭى پاپا كالىكىستۇس Ⅱ(Calixtus Ⅱ، 1119 — 1124-يىللىرى تەختتە بولغان) بىلەن «ۋۇرمىس دىنىي كېلىشىمى» تۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن پاپا بىلەن ئىمپېراتور ئارىسىدىكى ئېپىسكوپلۇققا قويۇش ھوقۇقىنى تالىشىش توغرىسىدىكى جېدەل-ماجىرا ۋاقىتلىق مۇرەسسە قىلىش بىلەن ئاياغلاشقان. ئىچكى جەھەتتە بېقىندى-چاكارلىرى بىلەن شەھەر ئاھالىسىگە تايىنىپ ئىمپېراتورلۇق ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، كىنەز-بەگلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.(2) ھېنرىي Ⅴ(Henry Ⅴ، 1387 — 1422).ئەنگلىيە لانكاستېر خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1413 — 1422).ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىيⅣ نىڭ چوڭ ئوغلى. دەسلەپ ئاتىسىغا ياردەملىشىپ، چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ توپىلىڭىنى بېسىقتۇرغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، 1414-يىلدىكى لولارد مەزھىپى قوزغىلىڭىنى باستۇرغان.1415-يىلى 8-ئايدا، فرانسىيىدىكى ئورلېئان گرېتسوگى بىلەن بورگوندىيە گرېتسوگى گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ماجىرادىن پايدىلىنىپ، قوشۇن باشلاپ فرانسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، 100 يىللىق ئۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئازېنكۇر جېڭىدە، فرانسىيە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. ئارقىدىنلا جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەپ پارىژ ۋە لۇئارا دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايوننى ئىگىلىۋالغان.1420-يىلى 5-ئايدا فرانسىيىنى «تروۋا شەرتنامىسى»نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ،فرانسىيە كورۇللۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇۋالغان.

ھېنرىخⅥ

  • ھېنرىخⅥ[يەشمىسى:]»(HeinrichⅥ،1165— 1197) گېرمانىيە كورۇلى (1169 — 1197)، مۇقەددەس رىمنىڭ ئىمپېراتورى (1190 — 1197، 1191-يىلى تاج كىيدۈرۈلگەن).فرىدرىخⅠ(قىزىل ساقال)نىڭ ئوغلى. 1186-يىلى سىتسىلىيە مەلىكىسى، ۋەلىئەھد كونستانىس (Konstanz، 1152 — 1198) بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. 1189-يىلى سىتسىلىيە كورۇلىگۇگېلىمⅡ(GoglielmoⅡ، 1153 — 1189) ئۆلۈپ، يەرلىك ئاقسۆڭەكلەر تانكرېد(Tancred، ؟ — 1194)نى كورۇل قىلغان. ھېنرىخ 1191-ۋە 1194-يىللىرى ئىككى نۆۋەت جەنۇبىي ئىتالىيىگە ئەسكەر كىرگۈزگەن، كېيىنكى قېتىمدا سىتسىلىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان. ئەنگلىيە كورۇلى رىچارد(شىر يۈرەك)نى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىگە بېقىندى بولۇشقا مەجبۇر قىلىشقا ئۇرۇنغان.

ھېنرىخⅦ

  • ھېنرىخⅦ[يەشمىسى:]» (1)ھېنرىخ Ⅶ (Heinrich Ⅶ، تەخمىنەن 1275 — 1313) گېرمانىيە كورۇلى(1308 — 1313)، مۇقەددەس رىمنىڭ ئىمپېراتورى (1308 — 1313، 1312-يىلى تاج كىيگۈزۈلگەن). ئەسلىدە ليۇكسېمبۇرگنىڭ گرافى. تەختكە چىققاندىن كېيىن، ليۇكسېمبۇرگ خاندانلىقىنى بەرپا قىلغان.1310-يىلى، قوشۇۋالغان چېخىيە پادىشاھلىق تەختىنى ئوغلى جون(ليۇكسېمبۇرگلىق)غا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. شۇ يىلى ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، پاپا كىلىمېنت Ⅴ ۋە نېئاپول كورۇلىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، مەغلۇپ بولغان. ئۆزىمۇ ئىتالىيىنىڭ سېنا (Siena) ئەتراپىدا ئۆلگەن. (2) ھېنرىيⅦ (Henry Ⅶ، 1457 — 1509). ئەنگلىيە كورۇلى (1485 — 1509). ئادەتتە ھېنرىي تۇدور (Henry Tudor) دەپ ئاتىلىدۇ. رېچمۇند گرافى ئېدمۇند تۇدور(Edmund Tudor،تەخمىنەن 1430 — 1456)نىڭ ئوغلى، لانكاستېر جەمەتىنىڭ يىراق تۇغقىنى. ئەتىرگۈل ئۇرۇشى (1455 — 1485) داۋامىدا لانكاستېر جەمەتىنى قوللاپ، يورك جەمەتىگە قارشى تۇرغان.1485-يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنى بوسۋارت دالاسى (Bosworth Field، ھازىرقى ئەنگلىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى)دا، ئەنگلىيە كورۇلى رىچارد Ⅲ نى مەغلۇپ قىلىپ ۋە ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنى ھېنرىي Ⅶ دەپ ئاتاپ تۇدور خاندانلىقىنى بەرپا قىلغان. تەختتىكى مەزگىلىدە، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ خۇسۇسىي قوراللىق كۈچىنى تارقىتىۋەتكەن، قەلئەلىرىنى بۇزۇپ تۈپتۈز قىلىۋەتكەن، يۇلتۇز سوت مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىپ، بويسۇنمىغان چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنى جازالىغان؛ سودا-سانائەت ۋە دېڭىزچىلىق ئىشلىرىنى مۇكاپاتلاپ، تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرغان. مەملىكەت ئىچىدە قىممەت مېتال بۇيۇملىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان. مەملىكەت ئىچىدە كاپىتالىستىك ئامىللارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ كورۇل جەمەتىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئىسپانىيە، فرانسىيە، شوتلاندىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھ جەمەتلىرى بىلەن قۇدا چۈشۈشكەن.

ھېنرىخ مان

  • ھېنرىخ مان[يەشمىسى:]» (Heinrich Mann، 1871 — 1950)گېرمانىيىلىك يازغۇچى، سىياسىي ئوبزورچى. توماس ماننىڭ ئاكىسى.ليۇبېكتىكى چوڭ سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىتابخانىدا نىمكار بولۇپ ئىشلىگەن.دەسلەپكى دەۋرىدىكى رومانى «ھۇرۇنلار جەننىتىدە»،«ئەخلەت پروفېسسور» ناملىق ئەسەرلىرىدەⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى چىرىكلەشكەن گېرمانىيە جەمئىيىتىنى مەسخىرە قىلغان ۋە ئۇنى قامچىلىغان. ھېنرىخ مان 1912 — 1915-يىللىرى «ئىمپېرىيە» ناملىق ئۈچ تىرىلوگىيىسى — «غالچا»،«نامرات» ۋە «باشلىق» ناملىق ترىلوگىيىسىنى يېزىپ چىقىپ، گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئەينى زاماندىكى ئىشچى ئاقسۆڭەكلىرىنى ئاچچىق مەسخىرە قىلغان. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، پرۇسسىيە بەدىئىي سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقلىقىدىن ئىستېپا بېرىپ، فرانسىيىگە كەتكەن. گېرمانىيىلىك باشقا ئىلغار يازغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە فاشىزمغا قارشى مەدەنىيەت بىرلىك سېپى تەشكىل قىلغان.ئۇنىڭ «ئۆچمەنلىك»،«جاسارەت» قاتارلىق توپلاملىرىدا فاشىزمغا ھۇجۇم قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. كېيىنكى مەزگىلىدە يازغان ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ھېنرىخ Ⅳ»، «نەپەس» ناملىق رومانلىرى ۋە «بىر دەۋرگە نەزەر» ناملىق تەرجىمىھالى بار.

ھېنرىي

  • ھېنرىي[يەشمىسى:]» (1)ھېنرىي (ھۇنتىنگدونلىق Henry of Huntingdon، تەخمىنەن 1084—1155)ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس.1110-يىلى ھۇنتىنگدون (لوندوننىڭ شىمالىي قىسمىدا)نىڭ مۇئاۋىن ئېپىسكوپى بولغان.«ئەنگلىيە تارىخى»ناملىق ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا كائېسار دەۋرىدىن تارتىپ 1154-يىلدىكى ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىي Ⅱ تەختكە چىققانغا قەدەر بولغان جەمئىي 1200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدىكى تارىخىي ۋەقەلەرنى بايان قىلغان.شۇڭا بۇ، ئەنگلىيىنىڭ تۇنجى ئومۇمىي تارىخىي ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.(2) ھېنرىخ (ئارسلان)(Heinrich der Lowe، 1127 — 1195).گېرمانىيە ساكسۇنىيە گېرتسوگى(1139 — 1180)ۋە باۋارىيە گېرتسوگى (1156 — 1180). 1147-يىلى ئېلبا دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغاقلىرىدا ياشىغۇچى ئوبودرىتلارغا زور كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولغان.1160-يىلى يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى بويسۇندۇرۇۋالغان. 1170-يىلى بۇ يەردە مېكلېنبۇرگ كىنەزلىكىنى بەرپا قىلغان. كېيىن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى فرېدرىخ Ⅰ(قىزىل ساقال)غا ھەمكارلىشىپ ئىتالىيىنىڭ شىمالى قىسمىغا تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن قوشۇن چىقىرىشنى رەت قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن،1180-يىلى فېئودال خوجىلىق زېمىنى تارتىۋېلىنىپ، گېرمانىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇزاق ۋاقىت ئەنگلىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. (3) ھېنرىخ (دېڭىز ساياھەتچىسى) (Henrique o Navegador،1394 — 1460).پورتۇگالىيە شاھزادىسى، دېڭىزچىلىق مەكتىپى قۇرۇپ، دېڭىزچىلىق ئىشلىرىنى مۇكاپاتلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن «دېڭىز ساياھەتچىسى» دەپ نام ئالغان. پورتۇگاللار ئۇنىڭ قوللىشى بىلەن 1433-يىلى غەربىي ئافرىقىدىكى بولجادور تۇمشۇقى (Cape Bojador، شىمالىي كەڭلىك ′15°26 غا جايلاشقان)نى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، مادېيرا ئاراللىرى (1456)، ئازور تاقىم ئاراللىرى (1432)، يېشىل تۇمشۇق تاقىم ئاراللىرى (1456) ھەمدە گىۋىنىيە دېڭىز بويى رايونىغا يېتىپ بارغان. 1441-يىلى پورتۇگاللار تۇنجى قېتىم غەربىي ئافرىقىدىن 10 نەپەر قۇل يۆتكەپ كەلگەن. ئافرىقا نىگېرلىرىغا ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەن قۇل سودىسى شۇنىڭدىن باشلانغان. (4) پاترىك ھېنرىي (Patrick Henry، 1736 — 1799). ئامېرىكا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى لىبېرالىست، ئادۋوكات. ۋىرگىنىيە شتاتىدا دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا دېھقانچىلىق قىلغان، دۇكاندار بولغان، كېيىن قانۇن ئۆگەنگەن. 1760-يىلى ئادۋوكات بولغان. 1765 — 1774-يىللىرى ۋىرگىنىيە شتاتلىق پارلامېنتنىڭ ئەزاسى بولغان. 1774 — 1775-يىللىرى چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىنىڭ ۋەكىلى بولغان. ئەنگلىيىگە قارشى كۈرەش داۋامىدا نۇرغۇن داڭلىق نۇتۇقلارنى سۆزلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى «ئەركسىزلىكتىن ئۆلۈم ياخشىراق» دېگەن تەسىرلىك جۈملىسى ئومۇميۈزلۈك ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن. 1775 — 1776-يىللىرى ۋىرگىنىيە پولكىنىڭ پولكوۋنىكى بولغان. 1776—1779-يىللىرى ۋە 1784 — 1786-يىللىرى ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سىياسىي جەھەتتىن مۇتەئەسسىپلىشىشكە يۈزلەنگەن.(5) ھېنرىي (ناۋاررالىق).فرانسىيە كورۇلى «ھېنرىي Ⅳ»نى كۆرسىتىدۇ.

ھېنرىيⅡ

  • ھېنرىيⅡ[يەشمىسى:]»(HenryⅡ، 1133— 1189) ئەنگلىيە كورۇلى (1154 — 1189)، پىلانتاگېنېت خاندانلىقىغا ئاساس سالغۇچى. ئۇنىڭ ئاتىسى فرانسىيە ئانجۇلۇق گراف گېئوفرىي ( Geoffroi، 1113 — 1151)، ئانىسى ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىي Ⅰنىڭ قىزى ماتىلدا(Matilda، 1102—1167). 1150-يىلى نورماندىيە گېرتسوگى بولغان. 1151-يىلى ئانجۇ گراف بولغان.1152-يىلى قۇدا چۈشۈش ئارقىلىق يەنە ئاكۋېتانىيە، پوئاتۇ، تورېن، گاسكون قاتارلىق جايلارغا ئىگە بولغان. 1153-يىلى قوشۇن تارتىپ ئەنگلىيىگە بېسىپ كىرىپ، ئەنگلىيە كورۇلى ستېفېننى ھېنرىي Ⅱنىڭ ئەنگلىيە كورۇللۇق تەخت ۋارىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. ئىككىنچى يىلى ستېفېن ئۆلۈپ، ھېنرىي تاج كىيىپ ئەنگلىيە كورۇلى بولغان. ئۇنىڭ زېمىنى ئەنگلىيە، فرانسىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتتىن ھالقىپ، «ئانجۇ ئىمپېرىيىسى» دەپ نام ئالغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە، ئاقسۆڭەكلەر ئۆز ئالدىغا قۇرۇۋالغان قورغانلارنى چېقىۋەتكەن؛ زور تۈركۈمدىكى ۋىلايەت ۋالىيلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئورنىغا ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنى قويغان، خانلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، رىتسارلار، شەھەر ئاھالىسى ۋە ئەركىن دېھقانلارنى فېئوداللارنىڭ سوت مەھكىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، خانلىق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە ئەرز قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. قالاق بولغان «ئىلاھ — تەقدىرى بويىچە ھۆكۈم قىلىش قانۇنى»نى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «قەسەم قىلىپ گۇۋاھلىق بېرىش قانۇنى»نى دەسسەتكەن، سەييارە سوتچىلار ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىش داۋامىدا «ئورتاق قانۇن»نى راۋاجلاندۇرغان؛ ۋاقىتلىق قوراللىق رىتسارلارنى يىغىۋېلىش ئورنىغا قالقان پۇلى ئېلىش، ياللانما قوشۇن ئېلىشنى دەسسەتكەن؛ چېركاۋنىڭ ئەدلىيە ھوقۇقىنى چەكلەش ئۈچۈن «كلارىنتون ۋاقىتلىق ئاساسىي نىزامى»نى ئېلان قىلغان، بىراق ئەمەلگە ئاشمىغان. 1171-يىلدىن باشلاپ ئېرلاندىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن.

ھېنرىيⅧ

  • ھېنرىيⅧ[يەشمىسى:]»(Henry Ⅷ،1491— 1547) ئەنگلىيە تۇدور خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1509 — 1547).ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىي Ⅶ نىڭ ئوغلى.تەختتىكى مەزگىلىدە مۇستەبىت مۇنارخىيىلىك ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە دۆلەت خەزىنىسىنىڭ مالىيە مەنبەسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، پاپا ئۇنىڭ خانىكە-ئىسپانىيە مەلىكىسى كاتېرىنا بىلەن نىكاھتىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدى دېگەننى باھانە قىلىپ، 1534-يىلى پارلامېنتقا «ھۈرمەت قانۇن لايىھىسى»نى ماقۇللىتىپ، پاپا بىلەن ئادا-جۇدا بولۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتا دىنىي ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، ئەنگلىيە دۆلەت دىنىنى بەرپا قىلغان. ئەنگلىيە خىيالىي سوتسىيالىستى توماس مور ئۇنىڭ دىنىي سىياسىتىگە قوشۇلمىغانلىقتىن، 1535-يىلى ئۆلتۈرۈلگەنىدى. 1536-ۋە 1539-يىللىرى ئۇدا پەرمان چىقىرىپ موناستىرلارنى تاقاپ، ئۇنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلغان، ئارقىدىن بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەتىۋارلىق ۋەزىرلىرىگە ئىنئام قىلىپ بەرگەن ياكى ئەرزان باھادا ئىجارىكەش يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرىنىڭ خوجايىنلىرى ۋە سودىگەرلەرگە سېتىپ بەرگەن. بۇ يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى كاپىتالىزم شەكلىدىكى ئىگىلىككە ئۆزگەرتىلىپ، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىش جەريانىنى تېزلەتكەن. 1536 — 1537-يىللىرى لىنكولىن، يوركتىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەتتىكى دېھقانلار ھەمدە كاتولىك روھانىيلىرى ۋە ئاقسۆڭەكلەر بۇنىڭغا قارشى قوزغىلاڭ قىلغان. «ئىلتىجا قىلىپ كورۇل ھۇزۇرىغا بېرىش» قا قاراڭ.

ھېنرىي گېس

  • ھېنرىي گېس[يەشمىسى:]» (Henride Lorraine Guise، 1550 — 1588) فرانسىيە گېس گېرتسوگى. فرانسېس گېسنىڭ ئوغلى.1572-يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى تاڭ سەھەردە، خانىكە كاتېرىنا مېدىچ بىلەن بىرلىشىپ، كاتولىك مۇرىتلىرىنى تەشكىللەپ، پارىژدا 2000 دىن كۆپرەك خۇگۇ ئېنوت مۇرىتلىرىنى قىرغىن (يەنى «سىت باتولومى پاجىئەسى») قىلىپ، خۇگۇ ئېنوت ئۇرۇشىنىڭ (1562 — 1594) قايتا قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان. 1576-يىلى ئۇنىڭ كاتتىباشلىقىدا كاتولىك ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ، ئىسپانىيە ۋە پاپاغا تايىنىپ، فرانسىيىنىڭ كورۇللۇق تەختىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان. كېيىن فرانسىيە كورۇلى ھېنرى Ⅲ تەرىپىدىن ئالداپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ھېنرىي گېئورگې

  • ھېنرىي گېئورگې[يەشمىسى:]» (Henry George ، 1839 — 1897) ئامېرىكىلىق چاكىنا ئىقتىسادشۇناس، سىياسىي ئوبزورچى. سان-فرانسىسكودا تۇغۇلغان. 1855-يىلى سودا پاراخوتىدا ئىشلىگەن، كېيىن نابورچىك بولغان.1868 — 1869-يىلى يەككە باج نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلغان. 1871-يىلى «بىزنىڭ يېرىمىز ۋە يەر سىياسىتىمىز» ناملىق كىتابچىسىنى بېسىپ تارقاتقان. 1880-يىلى نيۇ-يوركتا «ھېنرىي گېئورگې ھەرىكىتى»نى قوزغىغان. جەمئىيەت تەرەققىيات داۋامىدا بايلىقنىڭ جۇغلىنىشى ۋە نامراتلىقنىڭ مەنبەسى — ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىشىدا دەپ قارىغان. «يەر ئىسلاھات ھەرىكىتى»نى تەرغىپ قىلغان؛ ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي نىشانىسى «تەييارغا ھەييار بولۇش» ئەھۋالىنى توسۇپ، يەرنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش، يەككە يەر بېجى ئېلىشنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت، شۇنداق قىلغاندا كاپىتالىزمنىڭ نۇقسانلىرى ئۆزلۈكىدىن تۈگەيدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. ئامېرىكا ئىشچىلار ھەرىكىتىنى تىزگىنلىۋېلىپ، بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىق يولىغا باشلاشقا ئۇرۇنغان. ماركس ئۇنى «ئالدامچى» دەپ ئەيىبلىگەنىدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق «تەرەققىيات ۋە نامراتلىق»،«يەككە يەر بېجى دېگەن نېمە ۋە نېمە ئۈچۈن يەككە يەر بېجى يولغا قويۇلىدۇ؟» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ھېنرىي لاۋسون

  • ھېنرىي لاۋسون[يەشمىسى:]» (Henry Lawson، 1867 — 1922) ئاۋسترالىيىنىڭ يېقىنقى زامان شائىرى ۋە ھېكايىچىسى. يېڭى جەنۇبىي ۋالېس شتاتى گرېنفېل ئالتۇن كېنى رايونىدا تۇغۇلغان. 1883-يىلى ئانىسى بىلەن سدنېي شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، سىرچىلىق قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن كۇئىنسلاند، ۋىكتورىيە، غەربىي ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق جايلارغا بارغان. 1900 — 1902-يىللىرى لوندونغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۆمرىنى پېقىرلىق-نامراتلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن. ئابىتسفورتىدا ۋاپات بولغان.«ھېنرىي لاۋسون شېئىرلىرى توپلىمى»،«جامىس ۋېلسۇن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە، مۇستەملىكىچىلەرنى قامچىلاپ، يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى ئۇچرىغان ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمنى ئېچىپ تاشلىغان، خەلقنىڭ گۈزەل دۇنياغا ئېرىشىش يولىدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى، خەنزۇچە، فرانسۇزچە، نېمىسچە، رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئاۋسترالىيىدە 1967 — 1972-يىللىرى ئۇنىڭ يەتتە توملۇق ئەسىرى نەشىر قىلىنغان.

ھېينزېن جۇمھۇرىيىتى

  • ھېينزېن جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:]» ۋېنگرىيىنىڭ غەربىدىكى بورگېنلاند رايونىدا نېمىس دېھقانلىرى قۇرغان جۇمھۇرىيەت. نېمىس تىلىدا «ئۇششاق دېھقان» دېگەن سۆز «ھېنزېن» (Heinzen) دېيىلىدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1918-يىلى 10-ئايدا، ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بەربات بولۇپ، ھەرقايسى مىللىي رايونلاردا ئىنقىلاب پارتلاپ، ئارقا-ئارقىدىن ئىمپېرىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان. چېخوسلوۋاكىيە تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىنى دەپ بۇرگېنلاندتىكى پلايسبورگنى ئىشغال قىلماقچى بولغان. بۇرگېنلاندتىكى نېمىس تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئۇششاق دېھقانلار قاتتىق قارشىلىق قىلىپ، ئاۋسترىيىگە قوشۇلۇپ كېتىشنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى قوزغىغان ھەمدە 1918-يىل 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ماتسىبۇرگدا جۇمھۇرىيەت قۇرغان. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ھەرىكەت ۋېنگرىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان، جۇمھۇرىيەت يوقىتىلغان.

ھېيدىن

  • ھېيدىن[يەشمىسى:]» (Franz Joseph Haydn، 1732 — 1809) ئاۋسترىيىلىك كومپوزىتور. ۋېنا كلاسسىك مۇزىكا تەرەپدارلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى. كەمبەغەل ھارۋىكەش ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان.1740-يىلدىن تارتىپ ۋېنادىكى سېن-سېتېپېن چېركاۋىنىڭ ناخشا ئوقۇش ئەترىتىدە بالا ناخشىچى بولغان. 1749-يىلى ئاۋازى بۇزۇلغانلىقتىن بوشىتىۋېتىلگەن. ئۆزلۈكىدىن بېرىلىپ مۇزىكا ئۆگەنگەن. 1759-يىلى بوخېمىيە گرافىنىڭ خۇسۇسىي مۇزىكا ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1761-يىلدىن تارتىپ تەخمىنەن 30 يىل ۋېنگرىيە ئېستاخاچ كىنەزىنىڭ ساراي مۇزىكا ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ ئۆز ئىجادىيىتىدە ئاۋسترىيە، بوخېمىيە قاتارلىق جايلاردىكى مىللەتلەر، خەلقلەرنىڭ مۇزىكىسىدىن كەڭ ماتېرىيال ئالغان، ئۇنىڭ ئۇسلۇبى سەمىمىي-ساددا بولغان. ئاساسىي ئەسەرلىرى سىمفونىيە — «لوندون سىمفونىيىسى»،«خوشلىشىش»،«ھاڭ-تاڭلىق»،«سائەت» قاتارلىقلار بولۇپ يۈزدىن ئاشىدۇ. تارىلىق مۇزىكىلار بىلەن ئورۇندىلىنىدىغان تۆت تاۋۇشلۇق مۇزىكا —«قوش»،«رىتسار» قاتارلىقلار 80 دىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، مۇزىكىسىز ئورۇندىلىنىدىغان «دۇنيانىڭ يارىتىلىشى»،«تۆت پەسىل» قاتارلىقلار، رويال بىلەن ئورۇندىلىنىدىغان مۇزىكىلار ۋە تۈرلۈك يالغۇز كىشىلىك مۇزىكىلار، تەڭكەش قىلىپ ئورۇندايدىغان مۇزىكىلار بار.

ھېيسېنبېرگ

  • ھېيسېنبېرگ[يەشمىسى:]» (Werner Karl Heisenberg، 1901 — 1976) گېرمانىيىلىك فىزىك. ۋىرزبۇرگدا تۇغۇلغان. لېيپىسگ داشۆسى، بېرلىن داشۆسى ۋە گوتتىنگېن داشۆسىدە پروفېسسور بولغان. 1925-يىلى مىكرو زەررىچىنىڭ كۆزەتكىلى بولمايدىغان مېخانىكىلىق مىقدارىنى ئۇنىڭ سپېكتورىنىڭ كۆزەتكىلى بولىدىغان چاستوتىسى بىلەن، مۇئەييەن ھېسابلاش (ماترىسسا ئۇسۇلى) ئارقىلىق ئىپادىلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان، كېيىن بورن (Max Born، 1882 — 1970)، يوردان (Pascual Jordan، 1902—)بىلەن بىرلىشىپ، ماترىسسا مېخانىكىسىنى بەرپا قىلىپ، كۋانت مېخانىكىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىدا سەركەردىلىك رول ئوينىغان. 1927-يىلى «دەل ئۆلچىگىلى بولمايدىغان مۇناسىۋەت»نى بەرپا قىلغان، ئۇ كۋانت مېخانىكىسىنىڭ ئاساسىي قائىدىسى بولۇپ قالغان.شۇ سەۋەبتىن 1932-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. كېيىن يەنە يادرو ماس ئايلانما قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە S ماترىسسا نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلغان. 1958-يىلدىن باشلاپ ميۇنخېن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى، قوشۇمچە ماركس پلانك فىزىكا ۋە ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغان.

ھېيلبرون پروگراممىسى

  • ھېيلبرون پروگراممىسى[يەشمىسى:]» 1524 — 1525-يىللىرىدىكى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرانكونىيە رايونىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن 1525-يىلى 5-ئايدا ھېيلبرون(Heilbron) شەھىرىدە (ھازىرقى شتات گېرمانىيىدىكى بادېن ۋيور تېمىبېرگ شتاتىدا) تۈزگەن جەڭگىۋار پروگرامما. ئۇنىڭدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: بارلىق ھاكىمىيەت كورۇلغا بويسۇنۇش، بەگلەر ئىمپېرىيىنىڭ خىزمەتچى خادىمى بولۇش، مىسسىئونېرلارنى دەھرىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش؛ تەبىقە بويىچە ۋەكىل كۆرسىتىپ، پۈتۈن ئىمپېرىيە بويىچە قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى قۇرۇش؛ پۇلنى ۋە ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، دۆلەت ئىچىدىكى چېگرا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ دېھقانلارنى يۇقىرى تۆلەم تۆلەش يولى بىلەن فېئوداللىق مەجبۇرىيەتتىن خالاس قىلىش؛ چېركاۋنىڭ يەر-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە باشقىلار. بۇ پروگرامما شەھەر ئاھالىسىنىڭ قوزغىلاڭدىن پايدىلىنىپ ئۆز سىنىپىنىڭ مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن نامرات دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە قارىماي، رىتسارلار بىلەن مۈرەسسە قىلىشتىن باش تارتمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ(تەبىقە تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىش ۋە چېركاۋنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىش رىتسارلارغا پايدىلىق ئىدى).

ھېيمانېس

  • ھېيمانېس[يەشمىسى:]» (Gorneille Heymans،1892 — 1968) بېلگىيىلىك فىزىئولوگ. گېنتدا تۇغۇلغان.1920-يىلى گېنت داشۆسىدە دوكتور بولغان. كېيىن پارىژ، لوزاننا، ۋېنا، لوندونلاردا بىلىم ئاشۇرغان. 1920-يىلدىن باشلاپ دادىسى بىلەن بىللە گېنت داشۆسىدە ئىشلىگەن. 1930-يىلدىن باشلاپ مۇشۇ مەكتەپتە پروفېسسور بولغان. 1940 — 1941-يىللىرى بېلگىيە قۇتقۇزۇش كومىتېتى سەھىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان. غول ئارتېرىيە كاۋىكى ۋە بويۇن ئارتېرىيە كاۋىكىنىڭ نەپەس سىستېمىسى مەركىزىنى تەڭشەشتىكى رولىنى، ئارتېرىيە قان بېسىمىنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسىدىكى رولىنى تەتقىق قىلىشتا غايەت زور تۆھپە ياراتقان. 1938-يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى تىببىي پەن مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان.

ھېينې

  • ھېينې[يەشمىسى:]» (Heinrch Heine،1797— 1856) گېرمانىيىلىك شائىر، سىياسىي ئوبزورچى، ئىنقىلابىي دېموكرات. يەھۇدىي سودىگىرى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا سودا دۇكىنىدا شاگىرت بولغان. 1819-يىلدىن تارتىپ ئىلگىرى-كېيىن بونن، بېرلىن، گوتتېنگېن قاتارلىق داشۆلەردە قانۇن ئوقۇغان. 1825-يىلى قانۇنشۇناسلىق دوكتورى بولغان.1827-يىلى «ناخشىلار توپلىمى»نى ئېلان قىلغان، ئۇلار رومانتىك تۈستە مىللىي ئۇسلۇب بىلەن يېزىلغان.1824 — 1828-يىللىرى «خارتىس تېغىغا زىيارەت»،«ئەنگلىيىگە قىلىنغان ساياھەتتىن پارچىلار» دېگەنگە ئوخشاش ئېسىل نەسرىي شېئىرلارنى يازغان، ئۇنىڭدا شۇ چاغدىكى ياۋروپادىكى رېئال جەمئىيەتنى ھەجۋىي سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگەن. 1830-يىلى فرانسىيىدىكى ئىيۇل ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، ئىنقىلابىي شېئىر ئىجادىيىتىگە كىرىشىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، 1831-يىلىدىن تارتىپ پارىژدا ئولتۇراقلاشقان.1833-يىلى «رومانتىكلار ھەققىدە»نى يېزىپ، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيە ئەدەبىيات مۇنبىرىدە ئەۋج ئالغان ئەكسىيەتچىل رومانتىزمنى پاش قىلغان. 1834-يىلى «گېرمانىيىنىڭ دىنىي ۋە پەلسەپە تارىخى ھەققىدە»نى يېزىپ، چوڭقۇر پەلسەپە ئىدىيىسى ۋە سىياسىي يىراقنى كۆرەرلىكىنى ئىپادىلىگەن. 1835-يىلى گېرمانىيە فېدېراتىپ پارلامېنتى ھېينى ئەسەرلىرىنىڭ مەملىكەت ئىچىدە تارقىتىلىشىنى مەنئى قىلىشنى قارار قىلغان. 1843-يىلى ماركس بىلەن تونۇشقان ھەمدە ئۇنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا «دەۋر ناخشىسى» دېگەن سىياسىي شېئىرلار توپلىمىنى يېزىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان پرولېتارىياتنىڭ ئويغىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە «سىلېزىيە توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى» دېگىنى ئەڭ داڭلىق بولۇپ، ئېنگېلس ئۇنى «ئەڭ كۈچلۈك شېئىرلارنىڭ بىرى» دېگەن. شۇ يىلى10-ئايدا، «گېرمانىيىدە بىر قىش كۈنى ھەققىدە چۆچەك» دېگەن سىياسىي ھەجۋىي داستانىنى يېزىپ، پرۇسسىيە فېئودال خاندانلىقىنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى قامچىلىغان، ئېزىلگۈچى ئاممىنى قوزغىلىشقا چاقىرغان. 1845-يىلدىن كېيىن، سالامەتلىكى كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىپ، ئاخىرى پۈتۈنلەي پالەچ بولۇپ قالغان.1848-يىلدىكى ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ئەسەرلىرىدە گاڭگىراپ ئىچى پۇشقانلىق كەيپىياتىنى ئاندا-ساندا ئاشكارىلاپ قويغان. 

ھىپپاركوس

  • ھىپپاركوس[يەشمىسى:]» (Hipparchusياكى Hipparchos، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 190 — 125) قەدىمكى زامان يۇنان ئاسترونومى. كىچىك ئاسىيانىڭ نىسىيە (Nicaea)دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. بىر مەزگىل ئىسكەندەرىيە (مىسىر)شەھىرىدە تۇرغان. رودوس ئارىلىدا ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئاسترو-گئودېزىيە ئىلمىغا ئاساس سالغان بولۇپ، غەرب ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق تۆھپىسى، 850(يەنە بىر ئېيتىلىشىچە 1025 دېيىلىدۇ)دىن كۆپرەك يۇلتۇزلار تۈركۈمىنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ يورۇقلۇق مىقدارى خاتىرىلەنگەن بىر پارچە سخېما تۈزۈپ چىققان؛ ئالدىنقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ سخېمىسى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تۇنجى قېتىم «يىل پەرقى» (قۇياش يىلنىڭ سىدېرىلىق يىلدىن قىسقا بولۇش ھادىسىسى)نى بايقىغان، شۇنىڭدەك بۇ خىل ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ئىكلېپتكا بىلەن ئېكۋاتورنىڭ كېسىشكەن نۇقتىسىنىڭ ئاستا-ئاستا سۈرۈلۈپ بېرىش تۈپەيلىدىن بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كېيىن ئاسترونوم پىتولېمىي (مىلادى Ⅱ ئەسىردە)تەرىپىدىن قوبۇل (ئۇنىڭ «ئاسترونومىيىدىن ئومۇمىي بايان» ناملىق ئەسىرىدە ساقلانغان) قىلغان، ئېيتىلىشىچە ئۇ، گېئومېترىيىلىك قىياستىن پايدىلىنىپ قۇياشنىڭ تاشقى ھەرىكىتىنى چۈشەندۈرگەن، شۇ ئارقىلىق يەر شارى مەركەز تەلىماتىنى ئېنىق بەلگىلەپ چىققان، كېيىنكىلەرگە خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە ئۈچ بۇلۇڭ ئۇسۇلىنى كەشپ قىلىپ ئۇنى شار يۈزى ئاسترونومىيىسىگە تەتبىقلىغان. مېرىدىئان ۋە پاراللېلدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ يەر شارىدىكى ئورنىنى بەلگىلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى يوقالغان بولۇپ، پەقەت قەدىمكى يۇنان شائىرى ئاراتوسنىڭ (Aratos، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 315 — 240) «ئاسترونومىيىلىك ھادىسىلەر»ناملىق ئەسىرىگە بەرگەن ئىزاھاتلىرىدىلا ساقلىنىپ قالغان. 

ھىپپو

  • ھىپپو[يەشمىسى:]»(Hippo)شىمالىي ئافرىقىدىكى قەدىمكى شەھەر نامى. ئورنى ئىككى يەردە: بىرى، نومىدىيە (ھازىرقى ئالجىرىيىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدا)نىڭ ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى روبرىكات (Rubricatus) دەرياسى ئېغىزىدا بولۇپ،ھىپپورېگىئوس (H.Regius)دەپ ئاتالغان. مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ سېن-ئاۋگوستىن مۇشۇ يەردە ئۇزاق ۋاقىت ئېپىسكوپ بولۇپ تۇرغان. يەنە بىرى، كارفاگېن (ھازىرقى تۇنىسنىڭ شىمالىي قىسمىدا) نىڭ ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقى (ئوتىكا شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالى) دا بولۇپ، ھىپپودىئاريت (H. Diarrhytus)دەپ ئاتالغان. بۇنىڭدىن باشقا قەدىمكى ئىسپانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كارپېتانىلار (Carpetani)زېمىنىدىمۇ ھىپپو ناملىق بىر كىچىك شەھەر بولغان. 

ھىپپوكرات

  • ھىپپوكرات[يەشمىسى:]»(Hippokrates ياكى Hippocrates، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 460 — 375 ) قەدىمكى يۇنان مېدىتسىنا ئالىمى. ئېگېي دېڭىزىدىكى كوس (Cos) ئارىلىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ھېراكلىد (Heraclides) مۇ دوختۇر ئىدى. ئۇزاق ۋاقىت ئۆز يۇرتىدا دوختۇرلۇق قىلغان. گرېتسىيە قۇرۇقلۇقى قاتارلىق ھەرقايسى جايلارنى ئايلىنىپ (ئېيتىلىشىچە مىلادىدىن 430 يىل ئىلگىرى ئافىناغا تارقالغان ۋابا كېسىلىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن) چىققان؛ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە شاگىرت ئېلىپ تەربىيىلىگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇنى پېرسىيە پادىشاھى تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، پېرسىيىگە بېرىشنى رەت قىلغان. ئۇ، تىسالىيە(شىمالىي گرېتسىيىدە)نىڭ لارېسسادا (Larissa، بىر ئېيتىلىشىچە 100 ياش ئۆمۈر كۆرۈپ، مىلادىدىن 357 يىل ئىلگىرى ۋاپات بولغان.ئۇنىڭ مېدىتسىناغا دائىر ئەسەرلىرى 60 نەچچە خىلدىن كۆپرەككە يەتكەن. ئۇنىڭ تېڭىدىن كۆپرەكى شاگىرتلىرى بىلەن كېيىنكىلەرنىڭ قولىدىن چىققان بولۇپ، ئۆزىگە تەۋە بولغانلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس. ئۇ، كىلىنىكىلىق تۈزىتىش تەجرىبىسىگە ئەھمىيەت بەرگەن ھەمدە ئادەم بەدىنىنى بىر خىل ئورگانىزم دەپ ھېسابلاشنى تەشەببۇس قىلغان، كېسەلنىڭ سەۋەبىنى تېپىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئۇسۇلىنى بەلگىلەشتە شۇ ئاساستا ئىش كۆرۈش كېرەك دەپ قارىغان. «بەدەن سۇيۇقلۇقى پاتولوگىيىسى تەلىماتى» نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئادەم بەدىنى — قان، خىلىت، سېرىق ۋە قارا سەۋدادىن ئىبارەت تۆت خىل خىلىتتىن (سۇيۇقلۇقتىن)تەركىب تاپىدۇ؛ تۆت خىلىتتا تەڭپۇڭلۇق بولسا، تەن ساغلام بولىدۇ، تەڭپۇڭسىزلىق يۈز بەرسە كېسەل بولىدۇ دەپ ھېسابلىغان. ئۇ يەنە دوختۇرنىڭ داۋالاش ئوبيېكتى يالغۇز كېسەللىكلا ئەمەس، بەلكى بىمارنىڭ ئۆزى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىمارنىڭ خۇلق-مىجەز خۇسۇسىيىتى، مۇھىت ئامىللىرى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنىڭ بىمارغا بېرىدىغان تەسىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، دەپ قارىغان. بۇ خىل كۆز قاراش ۋە ئۇسۇل ئەينى زاماندىكى تىبابەتچىلىك ئىشلىرىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھەرخىل دىنىي پېرىخونلۇق (داخانلىق)دىن ئىبارەت ناچار ئىللەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا روشەن ئىلگىرىلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، يەنە كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا دوختۇرلۇق تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دوختۇرلۇق ئەخلاقىغا (بۇ «ھېپپوكرات قەسەمنامىسى»دېيىلگەن)ئىگە بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇڭا، ئۇ قەدىمكى زامان «مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ ئاتىسى»دەپ ئاتىلىپ، كېيىنكى زامان غەرب مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ۋە بىر كۈيئوغلى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. 

ھىپلېر

  • ھىپلېر[يەشمىسى:]»(Wendel Hippler ياكى Hipler، تەخمىنەن 1465—1526)1524—1525-يىللاردىكى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1525-يىلى باھاردا ئودېنۋالد (Odenwald، فرانكونىيە تەۋەسىدە)تاغ رايونىدا قوزغىلاڭ قىلغان، كېيىن يېقىن ئەتراپ رايونىدىكى قوزغىلاڭچى دېھقانلاردىن تەشكىللەنگەن «ئاقلار قوشۇن»ى بىلەن بىرلەشكەن. ئۇ، قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئۆزى ئىگىلىۋالغان. شەھەر ئاھالىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، رىتسارلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، قەلئە ۋە موناستىرلارغا ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىپ، قوزغىلاڭنىفېئودالىزمغا قارشى خاراكتېرىدىن مەھرۇم قىلغان. دېھقانلار ئۇرۇشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە ئۆلگەن. 

ھىپىئاس

  • ھىپىئاس[يەشمىسى:]»(Hippias، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 560 — 490) قەدىمكى ئافىنا تىرانى (مىلادىدىن ئىلگىرى 527 — 510).پىستراتوسنىڭ چوڭ ئوغلى. ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن تىران بولۇپ، ئىنىسى ھېپاركۇس (Hipparchus)بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. دەسلەپ ئاتىسىنىڭ يولغا قويغان ئىچكى-تاشقى سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئازراق تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ ئىنىسى نەزىمگە ئامراق، ئەمما بەڭباش بولۇپ پانئافىنا بايرىمى كۈنى خۇسۇسىي رەقىبلىرىدىن ھارمودىئوس(Harmodios) بىلەن ئارستوگېتون (Aristogieton) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن (مىلادىدىن 514 يىل ئىلگىرى). ئېيتىلىشىچە ھىپىئاس شۇنىڭدىن ئېتىبارەن زالىملىقتا ھەددىدىن ئېشىپ خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. سپارتا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەسكەر چىقىرىپ ئافىنانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ئۇنى قوغلاپ چىقارغان (مىلادىدىن 510 يىل ئىلگىرى). ئۇ دەسلەپ لامپساكۇس (Lampsacus، كىچىك ئاسىيادا) تىراننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان، كېيىن پېرسىيىگە تەسلىم بولۇپ، دارېⅠ (دارا سىياۋۇش) نىڭ گرېتسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە پىلان كۆرسىتىپ بەرگەن. مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى (بۇ چاغدا ئۇ ياشىنىپ قالغان) پېرسىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ، مارافون تۈزلەڭلىكىدە (ئافىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا)قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە ھۇجۇم قىلغان. بۇ قېتىم پېرسىيە مەغلۇپ بولغان. بىر ئېيتىلىشىچە ئۇ، بۇ قېتىمقى جەڭدە ئۆلگەن، يەنە بىر ئېيتىلىشىچە مارافون جېڭىدىن كېيىن لېمنوس (Lemnos، ئېگېي دېڭىزىدىكى ئارال)ئارىلىدا ئۆلگەن دېيىلىدۇ. 

ھىتت

  • ھىتت[يەشمىسى:]»(Hittites) كىچىك ئاسىيادىكى كاپپادوسىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. خاليىس (Halys، بۈگۈنكى تۈركىيىدىكى قىزىل دەرياسى) دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان. بۇرۇنقى ئاھالىلەر «ئىپتىدائىي ھىتتلار» دىن ئىبارەت. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ باشلىرىدا ھىتتلار (ھىندى ياۋروپا ئىرقىغا كىرىشى مۇمكىن)بېسىپ كىرگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅪⅩ ئەسىردىن تارتىپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅧ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، قەبىلىلەر ئىتتىپاقى بولۇپ شەكىللەنگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅦ ئەسىردە پادىشاھ تابارنا كۇسسار (Kussar) نى مەركەز قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن دۆلەت قۇرغان، پايتەختى خاتۇساس (بۈگۈنكى بوكازكىيىن). تەخمىنەن مىلادىدىن 1595 يىل ئىلگىرى مۇرشىلىش Ⅰ (MurshilishⅠ) تەختتە ئولتۇرغان چاغدا مېسوپوتامىيە ۋادىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، بابىلون شەھىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان. قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقى شۇنىڭ بىلەن ھالاك بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، تېلېپىن ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پادىشاھلىق جەمەت ئىچىدىكى ماجىرانى تۈگەتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅣ ئەسىردىن باشلاپ، تۆمۈر قورالدىن پايدىلىنىشقا (تارىختا ھىتتلار تۆمۈرنى ئەڭ بالدۇر ئىشلەتكەن) كىرىشكەن. دۆلەت كۈچى كۈنسايىن زورىيىپ، سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ھەربىي جەھەتتىن غەربىي ئاسىيادىكى قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغان. پادىشاھ سۇپپىلۇلۇما (Shuppiluluma، مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅣ ئەسىر) مىتاننى (مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا جايلاشقان) نىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى بېسىۋالغان ھەمدە مىسىر بىلەن سۈرىيە رايونىغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالاشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، پادىشاھ مۇۋاتتاللىس مىسىرنىڭ فىرئەۋىنى رامسېس Ⅱ بىلەن ئورونت دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى كادېش دېگەن يەردە جەڭ قىلىشقان. بۇ جەڭدە يېڭىش-يېڭىلىش نەتىجىسى چىقمىغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 1280 يىل ئىلگىرى (ياكى مىلادىدىن 1296 يىل ئىلگىرى) ئىككى تەرەپ سۈلھ شەرتنامە تۈزگەن. سۈرىيىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ زېمىن ھىتتلارغا تەۋە بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، «دېڭىز ئۈستىدىكى مىللەت» بوسفور بوغۇزىدىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، پادىشاھلىق پارچىلىنىپ كەتكەن. ئاندىن زەئىپلىشىشكە يۈز تۇتقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردە ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى ھىتتلارنىڭ قالغان كىچىك دۆلەتلىرىنى يوقاتقان. ھىتت مەدەنىيىتى ئىككى دەريا ۋادىسى (بابىلون قاتارلىقلار) نىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان. چېخوسلوۋاكىيە ئالىمى ھىروزنى قاتارلىقلار ئۇلار قوللانغان مىخ يېزىقنىڭ سىرىنى يەشكەن.

ھىجرەت

  • ھىجرەت[يەشمىسى:]» ئەرەبچە Hijrah نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، «كۆچۈش»، «بېشىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. (1) ئىسلام دىنى تارىخىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ مىلادى 622-يىلى 9-ئايدا مەككىدىن ياسىرىب (كېيىن مەدىنىگە ئۆزگەرتىلگەن) قا بارغان ۋەقەنى كۆرسىتىدۇ. كېيىن بۇ ئىشنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئىككىنچى ئەۋلاد خەلىپە ئۆمەر شۇ يىلقى ئەرەب شەمسىيە يىلنىڭ بېشىنى (مىلادى 622-يىل 7-ئاينىڭ 16-كۈنى) ئىسلام كالېندارى («ھىجرىيە») نىڭ تۇنجى يىلىنىڭ بىرىنچى كۈنى قىلىپ بەلگىلىگەن. (2) ئىسلام دىنى تارىخىدا مىلادى 615-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى قۇرەيش قەبىلىسى ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ساھابىلىرىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ھەبەشىستانغا قاچۇرۇۋېتىش ۋەقەسىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

ھىجرىيە كالېندارى

  • ھىجرىيە كالېندارى[يەشمىسى:]» ئىسلام كالېندارى. جۇڭگودا مۇسۇلمانلار كالېندارى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئادەتتە A. H (لاتىنچە Anno Hegirae،]ھىجرىيە يىل[ دېگەننىڭ قىسقارتىلىشى) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ھىجرەت (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ياسىرىبقا ھىجرەت قىلىش ۋەقەسى) يۈز بەرگەن يىل ئەرەبلەرنىڭ شەمسىيە يىلىنىڭ يىل بېشى (مىلادى 622-يىل 7-ئاينىڭ 16-كۈنى)، يىلنى ھېسابلاشنىڭ تۇنجى يىلنىڭ يېڭى يىل كۈنى قىلىنغان. شەمسىيە يىلىدا بىر يىل 12 ئاي بولىدۇ؛ كىچىك ئايلار 29 كۈن، چوڭ ئايلار 30 كۈن بولۇپ، كەبىسە ئاي بولمايدۇ؛ بىر يىل 354 كۈن بولىدۇ. 30 يىل بىر دەۋر (بىر قەرنە) بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 11 كەبىسە يىلى بولىدۇ. كەبىسە يىلىنىڭ ئاخىرىغا بىر كەبىسە كۈنى قوشۇلۇپ بىر يىل 355 كۈن قىلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھەر يىل ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 354 كۈن 8 سائەت 48 مىنۇت بولىدۇ. بىر كۈن قۇياش ئولتۇرغان ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ.

ھىدالگو

  • ھىدالگو[يەشمىسى:]»(1)(Hidalgo) ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسپانىيىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك ئاقسۆڭەكلىرى قاتلىمى. Ⅺ ۋە Ⅻ ئەسىرلەردە مەيدانغا كەلگەن. ئىسپانىيىنىڭ قولدىن كەتكەن يەرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىدە مۇھىم ھەربىي كۈچ بولغان. ⅩⅤ ئەسىردە قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى تاماملانغاندىن كېيىن، تىرىكچىلىك قىلىشقا ئامالسىز قېلىپ، بارغانسېرى نامراتلىشىپ كەتكەن. ⅩⅥ ئەسىردە ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكە قىلىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. ⅩⅦ ئەسىردە زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. (2) مىگۇئېل ھىدالگو (Miguel Hidalgo، 1753 — 1811) مېكسىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ داھىيسى. مىللىي قەھرىمان. سان نىكولاس ئىلاھىيەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇتقۇچى بولغان ھەمدە بىر مەزگىل ئىلاھىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. فرانسىيە ئاقارتىش ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، ئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەن مەخپىي شۇغۇللانغان. 1810-يىل 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ئوتتۇرا قىسىمدىكى گوئاناخۇ ئاتو شتاتى دولورېس (Dolores) يېزىسىدا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بۇ، تارىختا «دولورېس ساداسى» دېيىلگەن. قوزغىلاڭچىلار مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش، ئىندىئانلارنىڭ ئولپان تاپشۇرۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىندىئانلارنىڭ يەرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان شۇنداقلا تېزلىك بىلەن 80 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن ئۇيۇشتۇرۇپ، ئارقا-ئارقىدىن بەزى شەھەرلەرنى ئىگىلىگەن. 1881-يىلى 1-ئايدا گۋادالا خارانىڭ يېنىدىكى شىددەتلىك جەڭدە يېڭىلىپ، چېكىنىش يولىدا، بۆكتۈرمىگە ئۇچراپ ئەسىر چۈشۈپ قېلىپ،7-ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن.

ھىدې

  • ھىدې[يەشمىسى:]» (Hide)ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەنگلىيە ئەركىن دېھقانلىرىنىڭ ئۈلۈشلۈك يېرى، تۈتۈن يېرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئانگلو-ساكسونلار برىتانىيە ئارىلىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن جايلار بويىچە يېزا كوممۇنىسى تەشكىل قىلىنغان، ھەربىر تۈتۈن ئەركىن دېھقان بىر ئۈلۈش يەرگە ئىگە بولغان، بۇ ھىدې دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ كۆلىمى ئادەتتە 120 ئىنگلىز موسى (تەخمىنەن 4956 ئار) بولغان. دەسلەپتە ئۇنى سېتىشقا ياكى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە رۇخسەت قىلىنمىغان، يەر ئالغۇچىلار خەلق قوشۇنى تەشكىل قىلىش ئۈچۈن، ئۇرۇش ۋاقتىدا ئۆزى قورال-ياراق تەييارلىغان، بىردىن ئەسكەر چىقىرىپ بېرىشكە توغرا كەلگەن. Ⅹ ئەسىرگە كەلگەندە، ئەركىن دېھقانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ، يەرلەر ئومۇمەن 30 ئىنگلىز موسى (تەخمىنەن 1214 ئار) غا قىسقارغان. ⅩⅢ—Ⅺ ئەسىرلەردە دۆلەتنىڭ باج ئېلىشتىكى ھېسابات بىرلىكى قىلىنغان.

ھىدىب

  • ھىدىب[يەشمىسى:]» تۈرك تىلىدىكى خىتىپ (hidiv) نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، پادىشاھ ياكى ھۆكۈمران دېگەن مەنىدە. 1867 — 1914-يىللاردا مىسىر ھۆكۈمرانىنىڭ نامى بولغان. دەسلەپتە بۇ نام تۈركىيە سۇلتانى ئىسمائىلغا بېرىلگەن. 1914-يىلى ئەنگلىيە مىسىرنى ئۆزىنىڭ ھامىي دۆلىتى قىلىپ، ئابباسⅡ(Abbas Ⅱ، 1892 — 1914-يىللىرى تەختتە بولغان) نى بىكار قىلىپ، ھۈسەيىن كامىل (Husayn Kamil، 1914 — 1917-يىللىرى تەختتە بولغان)نى تەختكە چىقىرىپ سۇلتان دەپ ئاتاشقا ئۆزگەرتكەن.

ھىكىس

  • ھىكىس[يەشمىسى:]»(William Hicks Pasha، 1830 — 1883). ئەنگلىيىلىك مۇستەملىكىچى ئوفىتسېر. 1849-يىلى ئەنگلىيە-ھىندىستان ئارمىيىسىدە خىزمەت ئۆتەپ، كۆپ قېتىملىق ھىندىستاننى ئىستېلا قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1867 — 1868-يىللىرى ئېفېئوپىيە ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، مۇئاۋىن بىرىگادا كوماندىرى بولغان. 1880-يىلى پەخرىي پولكوۋنىكلىققا كۆتۈرۈلۈپ، زاپاسقا ئۆتكەن. 1883-يىلى 10 مىڭ كىشىلىك مىسىر قوشۇنىنى باشلاپ، سۇداندىكى مەھدى قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. ئوبېيد (Elobeid) جېڭىدە ئۆلگەن.

ھىكسوسلار

  • ھىكسوسلار[يەشمىسى:]»(Hyksos). ئوتتۇرا سۇلالە مەزگىلىدىن كېيىن مىسىرغا تاجاۋۇز قىلغان كۆچمەن قەبىلە. ئەسلىدە سۈرىيە، پەلەستىن قاتارلىق جايلارغا تارقالغان بولۇپ، ئىرق تەركىبى جەھەتتە سەمىتلەر ۋە ھۇرىتلارغا كىرىدۇ. قەدىمكى مىسىرلىق تارىخشۇناس مانېتو تۇنجى قېتىم «ھىكسوسلار» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەن، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «مالچى پادىشاھ» دېگەنلىك بولىدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن 1720 يىل ئىلگىرى مىسىر پارچىلىنىپ خارابلىشىۋاتقان پەيتتە، ئۇلار سىناي يېرىم ئارىلىدىن ئۆتۈپ، مىسىرغا كۆپلەپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھەمدە نىل دەرياسىنىڭ دىلتىسىدىكى ئاۋارىس (Avaris) نى مەركەز قىلىپ، «مالچىلار سۇلالىسى»(مىسىرنىڭ 15-ۋە 16-سۇلالىسىگە توغرا كېلىدۇ)نى قۇرغان. ئېيتىلىشىچە ئالتە ئەۋلاد پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن، گۈللەنگەن چاغدا تەسىر دائىرىسى يۇقىرىقى مىسىرغىچە كېڭەيگەن. بۇ، مىسىرنىڭ تۇنجى قېتىم يات مىللەتنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ئۇچرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھىكسوسلارنىڭ پادىشاھلىرى قوراللىق ھۆكۈمرانلىق قىلىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، مىسىرلىقلارغا ئېغىر سېلىق سېلىپ، ھەرقايسى تەبىقىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 157 يىل ئىلگىرى يۇقىرىقى مىسىر فىرئەۋىنى ئاخمېس Ⅰ نىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن مىسىر زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ھىكسوسلار مىسىرلىقلارنىڭ بىرقەدەر ئىلغار مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان، شۇنداقلا ئات بېقىش ۋە ئاتنى ھارۋىغا قېتىش تېخنىكىسىنى مىسىرغا ئېلىپ كىرگەن.

ھىلال ئاي مۇنبەت يەر

  • ھىلال ئاي مۇنبەت يەر[يەشمىسى:]»يەنى «مۇنبەت ھىلال ئاي».

ھىلدېبىراند

  • ھىلدېبىراند[يەشمىسى:]» يەنى «گرېگورىي Ⅶ».

ھىلدېبراند ناخشىسى

  • ھىلدېبراند ناخشىسى[يەشمىسى:]» گېرمانلارنىڭ قەھرىمانلار ئىپوسى. مىلادى ⅩⅢ ئەسىردە بارلىققا كەلگەن. بۇنىڭدىن 48 كۇپلېت پارچىلىرى ساقلىنىپ قالغان. مەزمۇنى مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشتىن كېيىنكى شەرقىي گوت كورۇلى دېتىرىك(Dietrich Von Bern ، يەنى تىئودورىك،474—526-يىللىرى تەختتە بولغان) نىڭ قول ئاستىدىكى ھىلدېبراند (Hildebrand) نىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنغان. ھىلدېبراند جەڭگە چىقىپ كېتىپ 30 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىۋېتىپ، چېگرىدا ئۆزىنىڭ ئوغلىنى تونۇۋالغان، ئۇنىڭغا بىر ئالتۇن ھالقا سوۋغا قىلغان. ئوغلى بۇ «يات تائىپە» نىڭ سوۋغىسىنى ئېلىشنى رەت قىلغان ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان. ھىلدېبراند جەڭگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولغان. قېپقالغان ئورىگىنالدا جىددىي ئېلىشىشنى تەسۋىرلىگەن جايدا ئۈزۈلۈپ قالغان. بۇ ئىپوس مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشتىن كېيىنكى مەزگىلدىكى شەرقىي گوتلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

ھىلدرېس

  • ھىلدرېس[يەشمىسى:]» (Richard Hildreth، 1807 — 1865)ئامېرىكىلىق يازغۇچى، تارىخشۇناس. ماسساچوستېس شتاتىدىكى بىر پروفېسسور ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1826-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1830-يىلى ئادۋوكات بولغان. 1832-يىلى بوستوندىكى «ئاتلاس گېزىتى» نىڭ تەھرىرى بولغان. قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغۇچىلار تەرەپدارى بولۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. كېيىن ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان.1836-يىلى ئۆزىنىڭ «ئاق تەنلىك قۇل» («قۇل ئالكى-مورنىڭ ئەسلىمىسى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) رومانىنى ئېلان قىلىپ، نىگېر قۇللارنىڭ جەنۇب ئېكىنزارلىقلىرىدىكى مۈشكۈل ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىنى تەسۋىرلىگەن. 1840 — 1843-يىللىرى ئەنگلىيە ۋە گۋېئانادا بولغان. 1849— 1852-يىللىرى ئالتە توملۇق «ئامېرىكا تارىخى» نى يېزىپ چىققان. بۇنىڭدا ئاساسەن قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ تارىختا ئوينىغان رولىغا ئېتىبار بېرىلگەن. 1861-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىتالىيە رىياسىتىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن يەنە: «ئامېرىكىدىكى ئىستىبداتچىلىق»، «سىياسىي نەزەرىيە»، «ئەخلاق نەزەرىيىسى» قاتارلىقلار بار.

ھىلفېردىڭ

  • ھىلفېردىڭ[يەشمىسى:]» (Rudolf Hilferding،1877 — 1941) گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ نەزەرىيىچىسى. ئاۋسترىيىدە يەھۇدىي باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مېدىتسىنانى ئۆگەنگەن.1902-يىلى ئاۋسترىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. كېيىن گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، مەخسۇس سىياسىي ئىقتىسادنى تەتقىق قىلغان. 1910-يىلى ۋېنادا «پۇل مۇئامىلە كاپىتالى» دېگەن كىتابنى نەشىر قىلغان. لېنىن بۇ كىتابنى جاھانگىرلىك ئۈستىدە «تولىمۇ قىممەتكە ئىگە نەزەرىيىۋى تەھلىل ئېلىپ بارغان». (لېنىن: «جاھانگىرلىك كاپىتالىزمنىڭ يۇقىرى باسقۇچى» ئۇيغۇرچە نەشرى،18-بەت) دەپ ماختىغان. 1918-يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ژۇرنىلى — «ئەركىنلىك» نىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ، پارتىيىنىڭ ئاساسلىق نەزەرىيىچىسىگە ئايلانغان. 1923-يىلى ۋە 1928-يىلى ئىككى قېتىم ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىنىڭ مالىيە مىنىستىرى بولغان. 1933-يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، دانىيە، شۋېتسارىيىگە قېچىپ بېرىپ، كېيىن فرانسىيىگە كەتكەن. 1940-يىلى فرانسىيە مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن مارسېلدا ۋىيشىي (Vichy) ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. كېيىن گىستاپوغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇ يەردە پاجىئەلىك ھالدا قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ھىلكۋىت

  • ھىلكۋىت[يەشمىسى:]» (Morris Hillquit، 1869 — 1933) ئامېرىكا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ئوڭ قانات رەھبەرلىرىدىن بىرى. لاتۋىيىنىڭ رىگادا تۇغۇلغان. 1886-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ،كىيىم-كېچەك زاۋۇتى ئىشچىسى بولغان. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتا قانۇن ئوقۇغان. 1893-يىلدىن تارتىپ نيۇ-يورك شەھىرىدە ئادۋوكات بولغان. 1888-يىلى سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان، كېيىن دېلېئونغا قارشى چىقىپ، بۇ پارتىيىنىڭ بۆلۈنۈشىگە (1899)سەۋەب بولغان؛ 1901-يىلى ئۇ رەھبەرلىك قىلغان سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى مۆتىدىللەر گۇرۇھى بىلەن دېبىس قۇرغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىرلىشىپ، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بولۇپ قۇرۇلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرغان. كېيىن روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىنى ئىنكار قىلغان. سولچى پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، پارتىيىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان. 1924-يىلى تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسىدىن بولغان لافوللېتنىڭ زۇڭتۇڭلۇق سايلام رىقابىتىنى قوللىغان.ئىككى نۆۋەت نيۇ-يورك شەھەر باشلىقى، بەش نۆۋەت پارلامېنت ئەزالىقى سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ غەلىبە قىلالمىغان. ئۇنىڭ: «ئامېرىكا سوتسىيالىزمى تارىخى»، «سوتسىيالىزملىق نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت» ۋە «ماركستىن-لېنىنغىچە» ناملىق ئەسەرلىرى بار.

ھىلمان

  • ھىلمان[يەشمىسى:]»(Sidney Hillman، 1887 — 1946). ئامېرىكا مېھنەتكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ يولباشچىسى. لىتۋالىق. 1907-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ تىككۈچى بولغان. 1910-يىلدىن باشلاپ ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1914-يىلى تىككۈچى ئىشچىلار بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نيۇ-يورك، فىلادېلفىيە قاتارلىق شەھەرلەردە تىككۈچى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى تەشكىل قىلغان ھەمدە تۇرار-جاي ۋە بانكا ساھەسىدىكى ئىشچىلار ئىچىدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن. سانائەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىچىلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. 1935-يىلى مېھنەتكەشلەر بىرلەشمىسىدىن چېكىنىپ چىققان. 1936-يىلى دۇبىنىسكىي (David Dubinski، 1892 — 1982)قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئامېرىكا مېھنەتكەشلەر پارتىيىسى ۋە مېھنەتكەشلەر پارتىيىسىزلەر ئىتتىپاقىنى بەرپا قىلغان ھەمدە روزۋېلتنىڭ سايلام رىقابىتىنى قوللىغان. 1938-يىلى سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، مۇئاۋىن رەئىس ۋە توقۇمىچى ئىشچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1940 — 1942-يىللىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1944-يىلى ترۇمىننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇق سايلام رىقابىتىنى كۈچىنىڭ بارىچە قوللىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، دۇنيا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. ئۇنىڭ: «ئامېرىكا مېھنەتكەشلەر سىياسىئونى» ناملىق ئەسىرى بار.

ھىنايانا (كىچىك كۆلەڭگۈ)

  • ھىنايانا (كىچىك كۆلەڭگۈ)[يەشمىسى:]» سانسكرىت يېزىقىدىكى (Hinayana) دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى «كىچىك ھارۋا» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. يەنى ھىنايانا بۇددىزمى. مىلادى Ⅰ ئەسىردە ماھايانا بۇددىزمى ئەۋج ئېلىپ، «كۆپچىلىكنى قۇتۇلدۇرۇش» نى تەشەببۇس قىلغان. ئەسلىدە «ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش» تا چىڭ تۇرىدىغان بالدۇرقى بۇددا دىنى ھىنايانا دەپ ئاتالغان. ھىنايانا بۇددا دىنى ئاساسەن سىرىلانكا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە تارقالغان.

ھىندۇ

  • ھىندۇ[يەشمىسى:]» قەدىمكى «ھىندىستان» دېگەن نامنىڭ باشقىچە تەرجىمىسى. «ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى» 2-جىلدىدا ئۇچرايدۇ.

ھىندۇنېزىيە ئاۋغۇست ئىنقىلابى

  • ھىندۇنېزىيە ئاۋغۇست ئىنقىلابى[يەشمىسى:]» ھىندۇنېزىيىدىكى بۇرژۇئا مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابى. كوممۇنىستلار ۋە ئىنقىلابىي ياشلار ياپونىيىنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقى ۋە غەرب مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھىندۇنېزىيىگە تېخى قايتىدىن كىرمىگەنلىكىدىن ئىبارەت پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 1945-يىل 8-ئاينىڭ 17-كۈنى سۇكارنونىڭ ھىندۇنېزىيىنىڭ مۇستەقىل بولۇپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىشىغا تۈرتكە بولغان. پايتەخت ياشلىرى ۋە خەلق ئاممىسى زاۋۇت-فابرىكا، پورت-پرىستان، ۋوگزال، ترامۋاي ئىدارىسى ۋە ھەرخىل خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرىنى ئۆتكۈزۈۋالغان. ھەرقايسى جايلاردىكى ئامما ياپونىيە ئارمىيىسىنى قورالسىزلاندۇرۇپ، يەرلىك ھاكىمىيەتلەرنى قۇرغان. ياپونىيە ئىشغال قىلغان مەزگىلدە قۇرۇلغان «مۇستەقىللىك تەييارلىق كومىتېتى» 8-ئاينىڭ 18-كۈنى سەككىز نەپەر ياش ۋەكىلنى كۆپەيتكەندىن كېيىن، ئالدىراشلىق بىلەن ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنى ماقۇللاپ، سۇكارنو بىلەن ھەتتا (Mohammad Hatta، 1902 — 1980) ئايرىم-ئايرىم زۇڭتۇڭ، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. ئەنگلىيە ياپونىيە ئارمىيىسىنى قورالسىزلاندۇرۇش نامى بىلەن 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ھىندۇنېزىيىگە باستۇرۇپ كىرگەن ۋە بېسىۋالغان رايوننى گوللاندىيىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. ھىندۇنېزىيە بىلەن گوللاندىيە 1946-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى «لىڭگا جاتى كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، گوللاندىيە ھىندۇنېزىيىنىڭ ياۋا، مادۇرا، سۇماترالاردىكى ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان، بۇلاردىن باشقا يەرلەر گوللاندىيىنىڭ تىزگىنلىشىدە بولغان. گوللاندىيە ئامېرىكىنىڭ قوللىشى بىلەن 1947-يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ھىندۇنېزىيىگە قارىتا 1-قېتىملىق «مۇھاپىزەت ھەرىكىتى» نى قوزغىغان. 1948-يىل 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئىككى تەرەپ «رېنۋىل ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان، 9- ئايدا، جاھانگىرلارنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ھەتتا ھۆكۈمىتى مادىئۇن ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، زور تۈركۈمدىكى كوممۇنىستلارنى قىرغان. 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يىرتىۋېتىپ، 2-قېتىملىق «مۇھاپىزەت ھەرىكىتى» نى قوزغىغان، بۇ ھەرىكەت خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچراپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان؛ ئىككى تەرەپ 1949-يىل 11-ئاينىڭ 2-كۈنى، گائاگادا «يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان. ئۇنىڭدا: ھىندۇنېزىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش، گوللاندىيە (غەربىي ئىرىئاندىن باشقا يەرلەرنىڭ) ئىگىلىك ھوقۇقىنى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ جۇمھۇرىيەت گوللاندىيە كورۇلىۋاسى دۆلەت باشلىقى بولغان «گوللاندىيە ھىندۇنېزىيە فېدېراتسىيىسى» گە قاتنىشىپ، دىپلوماتىيە، ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە «ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق» نى يولغا قويۇش، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ كېلىشىم ئاۋغۇست ئىنقىلابىنىڭ مۇرەسسەچىلىك بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ھىندۇنېزىيە مىللىي قوزغىلىڭى

  • ھىندۇنېزىيە مىللىي قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]» ھىندۇنېزىيە خەلقىنىڭ ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە 1926 — 1927-يىللىرى گوللاندىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق قوزغىلىڭى. ھىندۇنېزىيە كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى 1925-يىل پرامبانان (Prambanan) دا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، گوللاندىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلغان. 1926-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، جاكارتا ۋە غەربىي ياۋادىكى بانتامدا بىرلا ۋاقىتتا دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلگەن. جاكارتا ئەتراپ رايون قوزغىلاڭچىلار ئاممىسى بىر مەھەل شەھەر رايونىغا باستۇرۇپ كىرىپ، تېلېفون ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنى ئىگىلىگەن. باتام قوزغىلاڭچى ئارمىيىسى ۋوگزالنى تارتىۋېلىپ، ئەكسىيەتچى ئەمەلدارلارنى باستۇرغان. ياۋا رايونىدىكى قوزغىلاڭ باندۇڭ، پرېئانگان (Preangan) قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيگەن. 1927-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، سۇماترا خەلقى ساۋالۇنتو، شىرونگان قاتارلىق جايلاردا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. گوللاندىيە دائىرىلىرى ھەرقايسى يەرلەردە تارقاق قوزغىلاڭلارنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرغان. 13 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئېلىپ، ئۇلاردىن 4500 كىشىگە قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.

ھىندېرسون

  • ھىندېرسون[يەشمىسى:]» (Arthur Henderson، 1863 — 1935) ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1929 — 1931). لېيبورىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. ياشلىقىدا پولات تاۋلاش ئىشچىسى بولغان، كېيىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1903-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. لېيبورىستلار پارتىيىسىنى تەشكىللەش پائالىيىتى بىلەن پائال شۇغۇللانغان. 1908 — 1910 ۋە 1914 — 1917-يىللىرى لېيبورىستلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپىسىنىڭ داھىيسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇرۇش ۋاقتى ئىچكى كابىنېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1924-يىلى لېيبورىستلار پارتىيىسى بىرىنچى قېتىم ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەندە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1929-يىلى لېيبورىستلار پارتىيىسى ئۇيۇشتۇرغان 2-نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1931-يىلى، ماكدونالدنىڭ مىللىي ئىچكى كابىنېت ئۇيۇشتۇرۇشىغا قارشى چىققانلىقتىن، پارلامېنت ئەزالىقىدىن قالغان. 1932-يىلدىن تارتىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە دۇنيا ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنىنىڭ رەئىسى بولغان. 1934-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «ئەمگەكنىڭ نىشانى» دېگەن ئەسىرى بار.

ھىندېمىت

  • ھىندېمىت[يەشمىسى:]»(Paul Hinde Mith، 1895 — 1963) گېرمانىيىلىك كومپوزىتور، دىرىژور، ئارا ئىسكىرىپكىچى. قول سانائەت خوجايىنى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. فرانكفورت مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، فرانكفورت تىياتىرىدا دىرىژور بولغان ھەمدە ئامار تارچالغۇلۇق تۆتلۈك مۇزىكا ئۆمىكىدە ئارا ئىسكىرىپكىچى بولغان. 1927-يىلىدىن باشلاپ بېرلىن ئالىي مۇزىكا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىستېپا بەرگەن. 1940-يىلى ئامېرىكىغا بارغان، 1951-يىلى شۋېتسارىيىگە بارغان، ئىلگىرى-كېيىن يالې، سىيورىخ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. «ئەمەلىي ئىشلىتىدىغان مۇزىكا» نى تەشەببۇس قىلىپ، مۇزىكىنىڭ ئىشلىتىلىش مەقسىتىنى تەكىتلىگەن؛ ئىجادىيەتتە يېڭى كلاسسىزمغا مايىل بولۇپ «تارىسىمان گارمونىيە» نى تەشەببۇس قىلغان. 20-يىللاردىن كېيىن غەرب ھازىرقى زامان مۇزىكا ئېقىمىدا ئۇنى ۋەكىل قىلغان، بەكمۇ تەسىرى بار بىر ئېقىم شەكىللەنگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن ئوپېرا — «رەسسام ماتىس» ۋە «دۇنيانىڭ ئىناقلىقى»، ئۇسسۇللۇق تىياتىر — «ئەڭ ئالىيجاناب خىيالىي كۆلەڭگە»، ناخشىلار توپلىمى — «مارىيەنىڭ ھاياتى» قاتارلىقلار بار. 

ھىندېنبۇرگ

  • ھىندېنبۇرگ[يەشمىسى:]»(Paul Von Benec Kendorffund Von Hindenburg،1847 — 1934) گېرمانىيە مارشالى، ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1925 — 1934). ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشى ۋە پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. 1903-يىلى تۆتىنچى ئارمىيىنىڭ قوماندانى بولغان. 1914-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا شەرقىي پرۇسسىيە 8-جىتۈەنجۈننىڭ قوماندانى بولغان. تاننېنبىرگ (Tannenberg) ئۇرۇشى ۋە مازۇر (Masur) كۆلى ئۇرۇشىدا روسىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، شەرقىي سەپنىڭ قوماندانى بولغان ھەمدە مارشاللىققا كۆتۈرۈلگەن. 1916-يىلى 8-ئايدا باش شتاب باشلىقى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانى بولۇپ، شەرقىي سەپ ئۇرۇشى ۋە ئىتالىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان. كېيىن يەنە گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قاتناشقان ۋە سوۋېت روسىيىسىگە قارشى قوراللىق مۇداخىلە ئۇيۇشتۇرغان. 1919-يىلى 7-ئايدا گېرمانىيە ئارمىيىسى ئەڭ ئالىي قوماندانى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1925-يىلى ۋە 1932-يىللىرى ئوڭ قانات پارتىيىلەر ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭ قانات باشلىقلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئىككى قېتىم ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ھاكىمىيەت بېشىدىكى مەزگىلىدە جاھانگىر ئۇنسۇرلار، خانپەرەستلەر ۋە فاشىستىك تەشكىلاتلارنى ئاشكارا قوللاپ، ئىزچىل ھالدا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە ئۆچمەنلىك قىلغان. 1933-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى گىتلېرغا ھۆكۈمەت تەشكىللەش ھوقۇقىنى بېرىپ، گېرمانىيىدە فاشىستىك دىكتاتۇرا ئورناتقان. ئۇنىڭ «ھاياتىم» دېگەن ئەسىرى بار. 

ھىندېنبۇرگ مۇداپىئە لىنىيىسى

  • ھىندېنبۇرگ مۇداپىئە لىنىيىسى[يەشمىسى:]» بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 1916-يىلى 9-ئايدىن 1917-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە گېرمانىيە غەربىي سەپتە قۇرغان مۇداپىئە لىنىيىسى. شۇ چاغدا گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ھىندېنبۇرگ بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. فرانسىيىنىڭ ئار راس (Arras) دېگەن يېرىنىڭ يېنىدىكى ۋىمىي (Vimy) دىن باشلىنىپ، ست كۇئېنتىن (St Quentin) دىن ئۆتۈپ، لائون (Laon) دا ئاخىرلاشقان. ئارقا تەرەپتىكى شېمېن دېس دامېس (Chemen Des Dames) تاغلىرى مۇداپىئە لىنىيىسىنىڭ تەبىئىي توسۇقى بولغان. لىنىيىدە ئالدىنقى سەپتىن ئىچكىرىگىچە مۇستەھكەم يەر ئۈستى ئىستىھكاملىرى ياسالغان. 1918-يىلى 9-،10-ئايلاردا ئانتانتا دۆلەتلەر قوشۇنى تەرىپىدىن بۆسۈپ ئۆتۈلگەن. 

ھىندى-ئارىيانلار

  • ھىندى-ئارىيانلار[يەشمىسى:]»(Aryans-Indo) قەدىمكى ھىندىستاننىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى. ئارىيانلار ئەسلىدە قەبىلىلەر ئىتتىپاقى بولۇپ، ئۆزلىرىنى «ئارىيان»(Arya) دەپ ئاتىغان، ئادەتتە ئۇلارنىڭ يۇرتى ئوتتۇرا ئاسىيا دەپ قارالماقتا. ئۇلارنىڭ بىر تارمىقى مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا ھىندى دەرياسى ۋادىسىغا كىرىپ، ھىندى-ئارىيانلار دەپ ئاتالغان (يەنە بىر تارمىقى ئىرانغا كىرىپ، ئىران-ئارىيانلار دەپ ئاتالغان). ھىندى-ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسىغا كىرىدۇ. بۇرۇن بەزى ئالىملار «ھىندى دەرياسى مەدەنىيىتى» نىڭ ۋەيران بولۇشىنى ھىندى-ئارىيانلارنىڭ باسقۇنچىلىقىغا تىركەپ قويغان. يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتتىن قارىغاندا، ھىندى دەرياسى مەدەنىيىتىنىڭ ھالاكىتى ھىندى-ئارىيانلارنىڭ بۇ رايونغا كىرىشىدىن Ⅲ ئەسىر بۇرۇن بولغان بولۇشى ئېھتىمال. ھىندى-ئارىيانلار ھىندى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى پەنجاب ۋادىسىنى ئىگىلەپ، يەرلىك ئاھالىنى بويسۇندۇرۇپ، كېيىن يەنە گانگ دەريا ۋادىسى ۋە جەنۇبىي ھىندىستانغىچە كېڭەيگەن، نەتىجىدە جەنۇبىي ئاسىيا 2-چوڭ قۇرۇقلۇقى تارىخ سەھنىسىدە ئاساسىي رولچى بولۇپ قالغان. 

ھىندىچىنى ئۇرۇشى

  • ھىندىچىنى ئۇرۇشى[يەشمىسى:]»«ۋيېتنام، لائوس، كامبودژالارنىڭ فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشى»، «ۋيېتنامنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەن قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى»، «لائوسنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەن قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى»، «كامبودژىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى» غا قاراڭ. 

ھىندىچىنى ئىتتىپاقى

  • ھىندىچىنى ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]»فرانسىيىنىڭ ۋيېتنام، كامبودژا ۋە لائوسلاردا مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈش ئاپپاراتى. 1887-يىلى قۇرۇلغان. فرانسىيىنىڭ باش ۋالىيسى ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، خانۇيدا تۇرغان. باشتا بىۋاسىتە قاراشلىق مۇستەملىكە كۈچىنچىنى (Cochin China، نەنچى) بىلەن ھامىيلىقتىكى زېمىنلار ئانتام (جۇڭچى)، تونكىن (بېيچى) ۋە كامبودژىدىن تەركىب تاپقان. 1893-يىلى لائوس بۇ ئىتتىپاققا قوشۇۋېلىنىپ،ھامىيلىقتىكى زېمىن قىلىنغان. فرانسىيە 1889-يىلى جۇڭگونىڭ گۇاڭجۇ قولتۇقى (بۈگۈنكى جەنجياڭ) نى زورلۇق بىلەن ئىجارىگە ئېلىۋېلىپ، ئىتتىپاقنىڭ باشقۇرۇشىدا تۇتقان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە ھىندىچىنىغا باستۇرۇپ كىرىپ، فرانسىيىنىڭ بۇ يەردىكى تەسىر كۈچىنى سىقىپ چىقارغان. نەتىجىدە ھىندىچىنى ئىتتىپاقى شەكلەن گۇمران بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن فرانسىيە بۇ مۇستەملىكە ئورگىنىنى قايتا تىكلىيەلمىگەن. 

ھىندى دىنى چوڭ سەدىقە قۇرۇلتىيى

  • ھىندى دىنى چوڭ سەدىقە قۇرۇلتىيى[يەشمىسى:]» يەنى «ھىندى دىنى قۇرۇلتىيى».

ھىندى دىنى

  • ھىندى دىنى[يەشمىسى:]» يېڭى براخمان دىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىندىستان قاتارلىق ئەللەرگە كەڭ تارقالغان دىن. مىلادى Ⅳ ئەسىر ئەتراپلىرىدا براخمان دىنى بۇددا دىنى، جاينا (jaina) دىنى ئەقىدىلىرى بىلەن يەرلىك ئېتىقادلارنى قوبۇل قىلىشى نەتىجىسىدە ئۆزگىرىپ پەيدا بولغان.Ⅸ-Ⅷ ئەسىرلەردە شانكارا (Sankara) نىڭ ئىسلاھاتى بىلەن پەيدىنپەي شەكىللىنىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن. ھىندى دىنىنىڭ ئەقىدە-ئېتىقادلىرى بەك مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسلىق مۇقەددەس كىتابلىرى: «ۋېدا»، «ئۇپانشاد»، «پۇرانا»، «ماھابھاراتا»، «رامايانا» لاردىن ئىبارەت. ۋشنۇ مەزھىپى بىلەن شىۋا مەزھىپى بۇ دىندىكى ئاساسلىق مەزھەپلەردىن ئىبارەت. ⅩⅩ — ⅩⅨ ئەسىرلەردىكى كۆپ قېتىملىق ئىسلاھاتلار ئارقىلىق بۇ دىننىڭ مەزمۇنى بارغانسېرى كېڭىيىپ، ئىجتىمائىي تۈزۈم،ئەنئەنىۋى قانۇن-نىزام قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ⅩⅨ ئەسىردىن كېيىن زور مىقداردىكى ھىندى دىنى مۇرىتلىرى چەت ئەللەرگە كۆچۈپ بارغاچقا بۇ دىن ئاسىيا، ئافرىقىلارغا تارالغان. ⅩⅩ ئەسىردە مۇرىتلىرى 400 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. 

ھىندى دىنى قۇرۇلتىيى

  • ھىندى دىنى قۇرۇلتىيى[يەشمىسى:]» ھىندىستاندىكى ھىندى دىنى سىياسىي-دىنىي تەشكىلاتى. 1906-يىلى (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە 1900-يىلى) ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن كالكۇتتىدا قۇرۇلغان. تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ئاساسلىقى چوڭ پومېشچىك، چوڭ سودىگەر، فېئودال ئاقسۆڭەكلەر ۋە ھىندى دىنىنىڭ دىنىي مۆتىۋەرلىرى بولۇپ، مەقسىتى ھىندى دىنىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ، ھىندى دىنىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلات ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئىستىقبالى ھىندى دىنى تەشكىلاتى، ھىندى دىنى دۆلىتى، مۇسۇلمانلارنى ھىندى دىنىغا كىرگۈزۈش، ئافغانىستان ۋە ئەتراپ رايونلارنى بويسۇندۇرۇپ ئۇ يەرلەرنى ھىندى دىنىغا كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈۋرۈك ئۈستىگە قۇرۇلغان، دەپ داۋراڭ سالغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن كېيىن ئۇنىڭ تەسىرى بارغانسېرى كېڭىيىپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك تەشكىلات بولۇپ قالغان. مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى بىلەن كۆپ قېتىملاپ دىنىي توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، ھىندىستان مىللىي كۈچلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا توسقۇن بولغان. ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تەسىر كۈچى بارغانسېرى ئاجىزلاشقان. 

ھىندىستان ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى

  • ھىندىستان ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]» ھىندىستان مىللەتچىلىرىنىڭ سىياسىي تەشكىلاتى. جەمئىي ئىككى تەشكىلات بولۇپ، بىرىنى 1916-يىلى 4-ئايدا تىلەك پۇنا (Poona) شەھىرىدە قۇرغان. يەنە بىرىنى 1916-يىلى 9-ئايدا بېزەنت خانىم كالكۇتتىدا قۇرغان. ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ۋە زىيالىيلاردىن ئىبارەت بولۇپ، مۇددىئاسى ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش ۋاسىتىسى بىلەن ھىندىستاننىڭ بىرىتانىيە ئىمپېرىيىسى ئىچىدىكى ئاپتونومىيىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. 1916-يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسى بىلەن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى «لاكنائۇ ئەھدىنامىسى» نى تۈزۈپ، ھىندىستان «برىتانىيە ئىمپېرىيىسى ئىچىدە باشقا دومىنئونلار بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى» ئاپتونومىيىگە ئېرىشىشى كېرەك، دەپ بەلگىلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئىتتىپاقنىڭ پائالىيىتى بارغانسېرى ئازىيىپ، ئاخىرى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. 

ھىندىستان بىلەن بىرمىنى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش

  • ھىندىستان بىلەن بىرمىنى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش[يەشمىسى:]» 1885-يىلى بىرما ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن ئەنگلىيىگە قارام ھىندىستاننىڭ بىر ئۆلكىسى قىلىپ قويۇلغان. ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ بىرمىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، 1935-يىلدىكى «ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى» غا بىنائەن، 1937-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بىرمىنى ھىندىستاندىن ئايرىپ چىقىپ، ئۇنى بىۋاسىتە قاراشلىق مۇستەملىكە قىلىۋالغان. تارىختا بۇ «ھىندىستان بىلەن بىرمىنى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش» دەپ ئاتالغان. بۆلۈپ ئىدارە قىلىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بىرما كۆرۈنۈشتە قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى قۇرغان بولسىمۇ، ئەمەلىي ھوقۇق يەنىلا ئەنگلىيە باش ۋالىيسىنىڭ قولىدا بولغان. بىرما خەلقى بۇنىڭغا ئۈزلۈكسىز قارشى تۇرۇپ، 1938 — 1939-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دولقۇنىنى قوزغىغان. 

ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش

  • ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش[يەشمىسى:]» 1947-يىلى ئەسلىدىكى ھىندىستاننى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقادى بويىچە ھىندىستان ئىتتىپاقى ۋە پاكىستاندىن ئىبارەت ئىككى دومىنىئونغا بۆلۈش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. «مائۇنتىباتېن لايىھىسى» دىن پايدىلىنىلسۇن. 

ھىندىستان-پاكىستان ئۇرۇشى

  • ھىندىستان-پاكىستان ئۇرۇشى[يەشمىسى:]» 1947-يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈپ ئىدارە قىلىنغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان ئۈچ قېتىملىق ئۇرۇش. 1-قېتىملىقى (1947-يىلى 10-ئاي، 1949-يىلى 1-ئاي) ۋە 2-قېتىملىقى (1965-يىلى 9-ئاي) كەشمىر رايونىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى بىلەن كېلىپ چىققان (كەشمىر مەسىلىسىگە قارالسۇن). 1971-يىل 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ھىندىستان شەرقىي پاكىستانغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغانلىقتىن، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا 3-قېتىملىق ئۇرۇش يۈز بەرگەن. كېيىن ئۇرۇش غەربىي پاكىستانغىچە كېڭەيگەن، ب د ت يىغىنى بىلەن خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ۋە 21-كۈنى قارار ماقۇللاپ ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئىككى تەرەپ 12-ئاينىڭ 17-كۈنى پۈتۈن سەپ بويىچە ئۇرۇش توختاتقان. 1972-يىلى 6-ئايدا، ھىندىستان بىلەن پاكىستان «ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىلەن پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان. ئۇرۇشتىن كېيىن شەرقىي پاكىستاندا بېنگال دۆلىتى قۇرۇلغان. 

ھىندىستان خاتىرىلىرى

  • ھىندىستان خاتىرىلىرى[يەشمىسى:]» كىتاب نامى. قەدىمكى يۇنان تارىخچىسى ئاررىئانۇس (Arrianos) يازغان. ئالېكساندر (ئىمپېراتور) ئۆزىنىڭ يېقىن سەركەردىسى نېئارخۇس (Nearchos، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىر) بىلەن سېلېۋكوس پادىشاھلىقىنىڭ ھىندىستان مائۇرىيە خاندانلىقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى مېگاستېنسلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى توغرىسىدىكى خاتىرىلىرىدىن پايدىلانغان. بۇ كىتابتا ئاساسلىقى نېئارخۇسنىڭ دېڭىز قوشۇنلىرىنى باشلاپ ھىندى دەرياسى ئارقىلىق ئەرەب دېڭىزىغا كىرگەنلىكى ۋە يەنە ھىندىستان، ئىرانلارنىڭ دېڭىز ياقىلىرىنى بويلاپ مېسوپوتامىيە ۋادىسىغا قايتىپ كەلگەنلىك تارىخى بايان قىلىنغان، شۇنىڭدەك ئالېكساندرنىڭ ھىندىستانغا يۈرۈشى ۋە ھىندىستاننىڭ ئۆزى توغرىسىدىكى بەزىبىر ئەھۋاللارمۇ تىلغا ئېلىنغان. كىتابتىكى ۋەقەلەر تەپسىلىي سۆزلەنگەن، ئىشەنچلىك بولۇپ، شۇ دەۋرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ نېئارخۇس ۋە مېگاستېنېسلارغا ئالاقىدار ئەسەرلىرى ئاللىقاچان يوقىلىپ كەتكەنلىكتىن، بۇ ئەسەر تېخىمۇ قىممەتلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە «ھىندىستان خاتىرىلىرى» دېگەن بۇ ئەسەر ئاررىئانۇسنىڭ «ئالېكساندرنىڭ ئۇزۇنغا يۈرۈش قىلىش خاتىرىسى» (يەتتە توملۇق) ناملىق ئەسىرىنىڭ داۋامى دەپ تونۇلۇپ، 8-توم سۈپىتىدە مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 

ھىندىستاندىكى 1946-يىلىدىكى دېڭىز ئارمىيە قوزغىلىڭى

  • ھىندىستاندىكى 1946-يىلىدىكى دېڭىز ئارمىيە قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]» ھىندىستان ماتروسلىرىنىڭ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك زۇلمىغا قارشى كۈرىشى.1946-يىلى 2-ئايدا، بومباي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ «تاۋار» ناملىق پاراخوتىدىكى ھىندىستان ماتروسلىرىنىڭ تاماقنى ياخشىلاپ بېرىش، ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش تەلىپى ئەنگلىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ ھاقارەتلىشىگە ئۇچراپ، ھىندىستان ماتروسلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. 2-ئاينىڭ 18-كۈنى گازارمىدا ھەربىي تەلىم ئېلىۋاتقان ھىندىستانلىق ئەسكەرلەر بىرىنچى بولۇپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، بۇنىڭغا «تاۋار» ناملىق پاراخوتتىكى ھەممە ماتروسلار دەرھال قاتناشقان.2-ئاينىڭ 19-كۈنى، بومباي پورتىدا توختىغان 20 ھەربىي پاراخوتتىكى 20 مىڭ نەپەر ھىندىستانلىق ماتروس بۇ قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشقان ھەمدە شەھەر رايونىدا نامايىش قىلغان. قوزغىلاڭچىلار سايلام ئارقىلىق دېڭىز ئارمىيىسى مەركىزىي ئىش تاشلاش ھەيئىتى قۇرۇپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرىدىن ئىرقىي كەمسىتىشنى چەكلەشنى، ھىندىستانلىق ئەسكەرلەرگە تەڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى بېرىشنى، ئەنگلىيىلىك ئوفىتسېرلارنىڭ ئورنىغا ھىندىستانلىق ئوفىتسېرلارنى قويۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن كاراچى (بۈگۈنكى پاكىستاندا)، كالكۇتتا قاتارلىق پورتلاردىكى ھىندىستانلىق ماتروسلارمۇ قوزغىلاڭغا قاتناشقان. بومبايدا 200 مىڭ ئىشچى ئىش تاشلاپ بومبايدىكى قوزغىلاڭچى ماتروسلارغا مەدەت بەرگەن. 2-ئاينىڭ 21 — 23-كۈنلىرى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى بومباي ماتروسلىرى ۋە شەھەر ئاھالىسىنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرغان. خەلق كونگېرىسى پارتىيىسى بىلەن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى قوزغىلاڭغا قارشى تۇرغانلىقتىن، مەركىزىي ئىش تاشلاش ھەيئىتى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى پۇقرالارغا مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، كۈرەشنى توختىتىشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.

ھىندىستان يەرلىك شتاتلىرى

  • ھىندىستان يەرلىك شتاتلىرى[يەشمىسى:]» ھىندىستاندىكى يەرلىك بەگلەرنىڭ فېئودال زېمىنلىرى. ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ھىندىستاندىكى بىر قىسىم شتاتلار ئەنگلىيىنىڭ بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىقىدىكى «ئەنگلىيىگە قارام ھىندىستان» دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن. لېكىن بۇلارمۇ ئەنگلىيىگە ئىتائەت قىلىپ، ئەنگلىيە بىلەن ھەر خىل شەرتنامىلەرنى تۈزۈشكەن. چوڭ ھوقۇق شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ قولىدا بولۇپ، بەگ-خوجىلار پەقەت نامدىلا ھۆكۈمرانلىقنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، تاشقى جەھەتتە باشقا شتاتلار ياكى باشقا مەملىكەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ھوقۇقى بولمىغان، ئىچكى جەھەتتە ناھايىتى زور ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، بەگ-خوجىلار شۇ شتات خەلقىنىڭ ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانى بولغان. بەگ-خوجىلارنىڭ ھەر خىل ناملىرى بولغان. مەسىلەن: راجا(Raja)، ماھاراجا (Maharaja)، ناۋاب، نىزام (Nizam) قاتارلىقلار. بۇلار ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى قوغدىغۇچى بىر ئىجتىمائىي قاتلام بولۇپ، 1947-يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستانغا بۆلۈپ باشقۇرۇشنىڭ ھارپىسىغىچە تەخمىنەن 600 شتات بولۇپ، بۇ شتاتلارنىڭ تەخمىنەن 1 مىليون 145 مىڭ كۋادرات كىلومېتر زېمىنىنى ئىگىلەپ، 100 مىليونغا يېقىن ئاھالىسى بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ شتات ھەيدەر ئاباد ۋە كەشمىر شتاتلىرى بولغان. مائۇنتىباتېن لايىھىسىدە بۇ شتاتلار ئەنگلىيە «ھاكىمىيەت تاپشۇرغان» دىن كېيىن ئالاھىدە ئورۇندىن بەھرىمەن بولۇپ، ھىندىستان ياكى پاكىستان دومىنىئونىغا كىرىشنى ئۆزلىرى بەلگىلەيدۇ ياكى يەنىلا ئەنگلىيە بىلەن بولغان ئەسلىدىكى مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالسىمۇ بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. كېيىن بۇ شتاتلارنىڭ كۆپچىلىكى ھىندىستانغا، ئاز قىسمى پاكىستانغا قوشۇلغان.

ھىندىستانلىقلار ئۇيۇشمىسى

  • ھىندىستانلىقلار ئۇيۇشمىسى[يەشمىسى:]» ھىندىستاندىكى مىللەتچى سىياسىي تەشكىلات. 1876-يىلى 7-ئايدا سورىندرا-نات بانناگى بىلەن ئاناند موھان بوسې (Anand Mohan Bosse) لەر كالكۇتتا شەھىرىدە قۇرغان. كېيىن بېنگال ۋە ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شۆبىلىرى قۇرۇلغان. پومېشچىك-بۇرژۇئا لىبېرالىستلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. مەقسىتى: مېموراندۇم تاپشۇرۇش ۋە تىنچلىق يولى بىلەن ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق مەملىكەت ئىچىدە جامائەت پىكرى توپلاپ، ھىندىستانلىقلارنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلىش؛ سىياسىي مەنپەئەت ۋە ئارزۇنىڭ بىرلىك-ئورتاقلىقى ئاساسىدا ھىندىستاندىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ھىندى دىنى مۇرىتلىرى بىلەن ئىسلام دىنى مۇرىتلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. دېھقانلار ۋە يەر مەسىلىسىدە بولسا بۇ ئۇيۇشما زامىندارى تۈزۈمىنى قوللىغان.1883-يىلى 12-ئايدا كالكۇتتىدا 1-قېتىملىق مىللىي يىغىن چاقىرغان. بۇنىڭغا بېنگال، مادراس، بومباي ۋە بىرلەشمە ئۆلكىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. ھىندىستانلىقلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى بېنگالدا تەشكىللىك مىللىي ھەرىكەت تەرەققىياتىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ. مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ پائالىيىتى ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاساس ياراتقان.

ھىندىستان مۇستەقىللىك ئىتتىپاقى

  • ھىندىستان مۇستەقىللىك ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]» ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسى ئىچىدىكى بىر گۇرۇھ. 1928-يىلى 11-ئايدا خەلق كونگرېسى پارتىيىسى ئىچىدىكى رادىكاللار نېھرۇنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھىندىستانغا پەقەت دومىنىئونلۇق ئورنى بېرىش تەلىپىگە قانائەتلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دېھلىدا ھىندىستان مۇستەقىللىك ئىتتىپاقىنى قۇرغان. ج. پ. نېھرۇ ۋە س. چ. بوس ئىتتىپاقنىڭ رەھبەرلىرى بولغان. ئۇنىڭ پروگراممىسى، ھىندىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەمدە ھىندىستان جەمئىيىتىنى ئىجتىمائىي باراۋەرلىك، ئىقتىسادىي باراۋەرلىك ئاساسىدا باشقىدىن قۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىتتىپاقنىڭ تەشكىلىي جەھەتتە خەلق كونگرېسى پارتىيىسىدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى، بەلكى خەلق كونگرېسى پارتىيىسى ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى

  • ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]» ئىسلام دىنى ئىتتىپاقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1906-يىلى 12-ئايدا داككا (ھازىرقى بېنگالغا تەۋە) دا قۇرۇلغان ھىندىستان ئىسلام دىنى سىياسىي تەشكىلاتى. دەسلىپىدە ئەزالىرى ئاساسلىقى، سودا بۇرژۇئازلىرى، فېئودال ئاقسۆڭەكلەر، چوڭ پومېشچىكلار بولغان. مەقسىتى ۋە ۋەزىپىسى: ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە سادىق بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر خىل سىياسىي ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. 1907-يىلى 12-ئايدا، كاراچىدا چاقىرىلغان بىرىنچى نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىدا ئىتتىپاق نىزامنامىسى تەييارلىنىپ، 1908-يىلى 3-ئايدا ئالېگارخ (Aligarh) پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا ماقۇللانغان ھەمدە ئاغاخان ئىتتىپاق رەئىسلىكىگە سايلانغان. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇھىم رايونلىرىدا ۋە ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە ياچېيكا تەسىس قىلىنغان. 1913-يىلى 3-ئايدا لاكنوۋ يىللىق يىغىنىدا يېڭى ئىتتىپاق نىزامنامىسى ماقۇللىنىپ «باشقا دىنىي مەزھەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ھىندىستانغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئاپتونومىيە تۈزۈمى» نى قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1915-يىلىدىن كېيىن جىننا باشچىلىقىدىكى گۇرۇھ كونا رەھبەرلەرنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ، خەلق كونگرېسى پارتىيىسىگە يېقىنلىشىشقا باشلىغان ھەمدە مىللىي ھەرىكەتكە قاتناشقان. 1916-يىلى 12-ئايدا خەلق كونگرېسى پارتىيىسى بىلەن «لاكنوۋ ئەھدىنامىسى» نى تۈزۈپ، ھىندىستان «ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى ئىچىدە دومىنىئونلار بىلەن باراۋەر بولغان» مۇختارىياتكە ئىگە بولۇشى لازىم، دېگەننى بەلگىلىگەن. سايلىغۇچىلارنى دىن بويىچە ئايرىپ، ئۆز ئالدىغا سايلاشنى يولغا قويۇشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال ۋە شەرقىي شىمال قىسىملىرىدىكى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن رايونلاردا ئايرىم پاكىستان دۆلىتىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1940-يىلى 3-ئايدا، لاھور يىللىق يىغىنىدا «پاكىستان قارارى» نى ماقۇللىغان. 1947-يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى بۆلۈپ ئىدارە قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. پاكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىگە ئايلىنىپ، 60-يىللارغا كەلگەندە ئۈچ گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كېتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى يوقاتقان. 

ھىندىستان مىللىي قوزغىلىڭى

  • ھىندىستان مىللىي قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]» ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى 1857 — 1859-يىللاردىكى قوزغىلىڭى. 1856-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى، ھىندىستان يېزىلىرىدا «چەلپەك» (چۇپات Chupattie) سۇنۇش ۋە ئارمىيىدە نېلۇپەر گۈلى سۇنۇش يولى بىلەن خەلقنى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى قوزغىلاڭ قىلىشقا دەۋەت قىلىش ھەرىكىتى باشلانغان. 1857-يىل 5-ئاينىڭ 10-كۈنى مىرۇت (Meerut) شەھىرىدە سىپاھ (يەرلىك خەلقتىن بولغان ئەسكەر) لار ئادالەت تۇغىنى بىرىنچى بولۇپ كۆتۈرۈپ چىققان. ئەتىسى پايتەخت دېھلىنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ، قۇرۇق نامىلا قالغان موغۇل ئىمپېرىيىسىنى تىكلەپ، پادىشاھ باھادىر شاھ Ⅱ نى قوزغىلاڭنىڭ داھىيسى قىلغان ھەمدە ئون كىشىدىن تەركىب تاپقان مەمۇرىي كېڭەش قۇرۇپ، ئۇنى قوزغىلاڭنىڭ ھاكىمىيەت ئورگىنى قىلغان. قوزغىلاڭ ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا، شىمالىي ۋە جەنۇبىي قىسىملىرىدىكى 20 رايونغا كېڭەيگەن. دېھلى، لاكنائۇ (Lacknow)، جھانىسى (Jhansi) شەھەرلىرى قوزغىلاڭنىڭ مەركىزى بولغان. قوزغىلاڭغا ھىندىستاننىڭ ھەر قاتلام خەلقى ئارقا-ئارقىدىن ئاۋاز قوشقان. كۈرەش جەريانىدا ھىندى دىنى مۇرىتلىرى بىلەن ئىسلام دىنى مۇرىتلىرى بىرلىشىپ ئورتاق دۈشمەنگە قارشى تۇرغان. كېيىن دېھلى ۋە لاكنائۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەر قولدىن كەتكەندىن كېيىن، ئائۇد (Oudh) ۋە روھىلكەند(Rohilkand) رايونلىرىدا قوزغىلاڭچى ئارمىيە-خەلق مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىگە ئۈزلۈكسىز زەربە بەرگەن. دېھقان، ئەسكەر، ھۈنەرۋەن ۋە شەھەر كەمبەغەللىرى قوزغىلاڭنىڭ ئاساسىي كۈچى بولغان، ئاز ساندىكى فېئودال بەگ-خوجىلارمۇ قوزغىلاڭغا قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئاساسلىق رەھبەرلىرى لاكىشمى باي، نانا ساھىب، تانتىياتوپى قاتارلىقلار. بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىك ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە بىر قىسىم فېئودال يەر ئىگىلىرىنىڭ ئاسىيلىقى تۈپەيلىدىن، قوزغىلاڭ ئاخىرى 1859-يىلى باستۇرۇلغان. لېكىن ئۇ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ھىندىستان مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ راۋاجلىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن. 

ھىندىستاننى ئىدارە قىلىشنى ياخشىلاش قانۇنى

  • ھىندىستاننى ئىدارە قىلىشنى ياخشىلاش قانۇنى[يەشمىسى:]»1858-يىل 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتى ھىندىستاندىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ماقۇللىغان قانۇن. قانۇن جەمئىي 75 ماددا بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى: ئەنگلىيە پارلامېنتى شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ھىندىستاندىكى مەمۇرىي باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش، ھىندىستانغا ئەنگلىيە كورۇلى بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىق قىلىش، تەپتىش ھەيئىتى ۋە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى مۇدىرىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى ئۈستىگە ئالىدىغان ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش. ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرىنىڭ قول ئاستىدا يەنە ئەنگلىيە ۋە ھىندىستاندىكى ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ 15 مۇھىم خادىمىدىن تەركىب تاپقان مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى «ھىندىستان مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتى» تەسىس قىلىش، ئۇنىڭ رەئىسلىكىنى ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرى قوشۇمچە ئۆز ئۈستىگە ئېلىش. ھىندىستان باش ۋالىيسى مۇئاۋىن پادىشاھ بولۇپ، ئەنگلىيە پادىشاھىغا ۋەكالىتەن ھىندىستانغا بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىن ئىبارەت. 

ھىندىيە

  • ھىندىيە[يەشمىسى:]»(India) قەدىمكى ھىندىستاننىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى. «تارىخنامە. پەرغانە تەزكىرىسى»دە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئۇنىڭ (باكتېرىيىنى دېمەكچى) شەرقىي جەنۇبىغا ھىندىيە دۆلىتى جايلاشقان»، تاڭ سۇلالىسىگە كەلگەن چاغدا، شۇەنزاڭنىڭ «بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى» دىن ئېتىبارەن «ھىندىستان» دەپ ئۆزگەرتىپ ئاتاشقا باشلىغان. «ئەنەتكەك»گە قارالسۇن. 

ھىيدېلبېرگىنتال

  • ھىيدېلبېرگىنتال[يەشمىسى:]»(Homo Erectus Heidelbergensis ) تاشقا ئايلانغان مايمۇنسىمان ئادىمى. 1907-يىلى گېرمانىيىدىكى ھېيدېلبېرگنىڭ (Heidelberg) شەرقىي جەنۇبىدىكى مۇئېر(Mauer) دېگەن يەرنىڭ قۇملۇق توپا قاتلىمىدىن تۇنجى قېتىم تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. تېپىلغان تاشقا ئايلانغان سۆڭەك مۇستەھكەم ھەم چوڭراق بولغان تۆۋەنكى جاغ سۆڭىكى. تۆۋەنكى جاغ شېخى قىسقا، كەڭ كەلگەن، تۆۋەنكى جاغ تەكشى بولۇپ، ئۇنىڭ تىلىنىڭ ئوتتۇرىسى ئويمان ھالەتتە بولغان، چايناش مۇسكۇلىنىڭ دائىرىسى بەك چوڭ، بۇ ئۇنىڭ ئىپتىدائىي خۇسۇسىيىتى؛ لېكىن چىش يايى قىسقا، كەڭ كەلگەن، چىشلار تەكشى ھەم زىچ كەلگەن، ئۇ بۇنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ ئالامىتى. ئىلگىرى ئۇ قەدىمكى ئادەمگە كىرىدۇ دەپ قارالغان، ھازىر ياۋروپادىكى ئەڭ دەسلەپكى مايمۇنسىمان ئادىمى دەپ قارالماقتا. ئۇنىڭ بىلەن بىللە تېپىلغان تاشقا ئايلانغان ھايۋانلاردىن ھۆكۈم قىلىنىشىچە، ئۇ ياشىغان دەۋر مېندېل مۇز دەۋرىنىڭ مۆتىدىل دەۋرىگە، گېئولوگىيە ئېراسى 4-دەۋرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ.