ئې🔗

ئې

ئېبلا پادىشاھلىقى

ئېبېرت

ئېپامنونداس

ئېپېسوس

ئېپىرۇس پادىشاھلىقى

ئېپىرۇس

ئېپىسكوپ

ئېپىسكوپلۇققا تەيىنلەش ھوقۇقى

ئېپىكتېتوس

ئېپىكورۇس

ئېتىكا سوتسىيالىزمى

ئېتورۇرىيە

ئېترورىيىلىكلەر

ئېتوسىنچى

ئېتولىيە ئىتتىپاقى

ئېتېننې مارسېل

ئېتىراز بىلدۈرۈش خېتى

ئېچېۋىرىيە

ئېچىلغان بوز يەر مەڭگۈ خۇسۇسىي مۈلۈك بولۇش قانۇنى

ئېدوباكو شوگونلۇقى

ئېدو شەھىرى

ئېدۋارد

ئېدۋاردⅠ

ئېدۋاردⅢ

ئېدۋاردⅧ

ئېدېس

ئېدېن

ئېدىرلىق كېخىمىر

ئېدىسون

ئېدىسۋول يىغىنى

ئېرا توستېن

ئېراسمۇ

ئېروس (Eros)

ئېرۇسالىم پادىشاھلىقى

ئېرۇسالىم پەرمانلىرى توپلىمى

ئېرۇسالىم (قۇددۇس شىرىپ)

ئېرېنبۇرگ

ئېرېنتال

ئېرفۇرت پروگراممىسى

ئېرفۇرت ئىتتىپاقى شەرتنامىسى

ئېرىدۇ خارابىسى

ئېرىدۇ ئوبېد مەدەنىيىتى

ئېرىنېس

ئېرىك ساياھىتى

ئېرىكⅩⅣ

ئېرىك يىلنامىسى

ئېزوپ

ئېزىنخاۋېر

ئېزىنخاۋېرىزم

ئېسابېلⅡ

ئېسپار تېرو

ئېس- ئېس () خەتلىك بايراق

ئېسىلزادىلەر يىغىنى

ئېشېر

ئېفىكرات

ئېفىئوپىيە- ئىتالىيە ئۇرۇشى

ئېففېل مۇنارى

ئېفىئوپىيە ئىمپېرىيىسى

ئېفىيالتېس

ئېكباتانا

ئېكزوگامىيە

ئېككارىئۇس

ئېكلۇس دېڭىزى ئۇرۇشى

ئېكسپىلاتاتسىيە

ئېكىنس

ئېگېي مەدەنىيىتى

ئېگبېرت

ئېلام

ئېلامىلار

ئېل پاردو ئەھدىنامىسى

ئېل تاجىن مەدەنىيىتى

ئېلزاس

ئېللورا تاش ئۆڭكۈرى

ئېلۇئارد

ئېلېئانور روزۋېلت

ئېلېزاۋىتا پېتروۋنا

ئېلىزابېتⅠ

ئېلىس

ئېلىئوت

ئېمپېدوكل

ئېممانۇئېلⅠ

ئېممانۇئېلⅠ

ئېممانۇئېلⅡ

ئېممانۇئېلⅢ

ئېممانۇئېلⅢ

ئېمېرسون

ئېمىس جىددىي تېلېگرامى

ئېنسكلوپېدىيىچىلەر

ئېنكرۇما

ئېنگېلبرېكتىسون

ئېنگېلمان

ئېنگېلس

ئېنوموتو تاكېئاكى

ئېنېسكو

ئېنىسكىفت تۈزۈمى

ئېھرام

ئېئولېسلار

ئېئولىت

ئېئۇرىك

ئېئۇسېبىئۇس

ئېئۇلېر- كېلپىن

ئېئۇنۇس

ئېۋانگېلىستا

ئېۋانىس

ئېۋبېيە

ئېۋرىپىدېس

ئېۋكلىد

ئېۋگېن

ئېۋگېن بېئاۋخارنا

ئېۋىئان كېلىشىمى

ئېينىخارد

ئېينىشتېين

ئېيزوئىت جەمئىيىتى

ئېيزىناخچىلار

ئېسئېسچىلار

ئېگمونت

ئېۋكسېئىن دېڭىزى

ئىزاھى

ئېبلا پادىشاھلىقى

  • ئېبلا پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] غەربىي ئاسىيادىكى قەدىمىي دۆلەت. سۈرىيىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅩⅣ — ⅩⅩⅢ ئەسىرلەردە خېلى روناق تاپقان. مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى كىشى، مالى قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەر بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ئالاقە باغلىغان، ئۇلارنىڭ پۇل- مال قاتارلىق ئولپانلىرىنى قوبۇل قىلغان. پايتەختى ئېبلا (Ebla). ئاققاد پادىشاھلىقى (مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبى) پادىشاھى سارگون Ⅰ بىلەن ئۇزاققىچە ئۇرۇش قىلغان، بەزىدە يېڭىپ، بەزىدە يېڭىلگەن. كېيىن نارام سىن (سارگوننىڭ نەۋرىسى) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان، شەھەر ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅩ ئەسىردە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، يېقىن ئەتراپتىكى كەڭ رايونلارنى بويسۇندۇرغان، ئېبلادا ھەيۋەتلىك خان ئوردىسى ۋە ئىبادەتخانا سالغان. مىلادىدىن 1800 يىل ئىلگىرى كۆچمەن قەبىلە بولغان ئامورىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئاجىزلاشقان. ئېبلانىڭ پادىشاھى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. مۇددىتى يەتتە يىل بولغان؛ پادىشاھ ئېبولىئوم (مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅩⅣ ئەسىردە سارگون بىلەن بىللە ياشىغان) 28 يىل تەختتە تۇرغان، ئۇدا تۆت قېتىم ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئىبادەتخانا نۇرغۇن يەر، چارۋا مال ۋە ئەمگەكچىلەرگە ئىگە بولغان، ئاھالە ئىبادەتخانىدا پاناھلانغان، ئېبلا مەدەنىيىتى قەدىمكى ھېبرې ۋە ئىككى دەريا ۋادىسى مەدەنىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان. 1964- يىلدىن بۇيان، ئىتالىيە ئارخېئولوگىيە ئەترىتى سۈرىيىنىڭ ئالېپپو ئۆلكىسىدىكى ماردىكدا (Tell Mardikh، ئېبلا شەھىرى جايلاشقان جاي) ئوردا، ئىبادەتخانا ۋە ئوردا ئارخىپ ئامبىرىنى قېزىپ چىققان، ئارخىپ ئامبىرىدا 15 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق مىخ يېزىقلىق سېغىز بەت ساقلانغان بولۇپ، ئۇلار غەربىي ئاسىيانىڭ قەدىمكى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر سېغىز بەتتىكى يېزىقلاردىن ھازىرغىچە بىر قىسمىلا تەرجىمە قىلىپ چىقىلدى.

ئېبېرت

  • ئېبېرت[يەشمىسى:]Friedrich Ebert، 1871 — 1925) گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ئوڭ قاناتلار داھىيسى، ۋېيما جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى (1919 — 1925). ھىيدېل بېرگدە تىككۈچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1891- يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1912- يىلى ئىمپېرىيە پارلامېنتىغا سايلانغان. 1913- يىلى بېبىلنىڭ ئورنىغا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى قوللىغان. 1918- يىلى 11- ئايدا شاھزادە بادېننىڭ ئىزىنى بېسىپ ئىمپېرىيىنىڭ ۋەزىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1912- يىلى 2- ئايدا ۋېيما جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرىدە، دۆلەت ئىچىگە قارىتا باۋارىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنى ۋە ھامبۇرگ ئىشچىلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان، سىرتقا قارىتا «ۋېرسال شەرتنامىسى» ۋە «داۋېس پىلانى»نى قوبۇل قىلغان.

ئېپامنونداس

  • ئېپامنونداس[يەشمىسى:]Epaminondas ياكى Epame inondas، مىلادىدىن ئىلگىرى 420 — 362) قەدىمكى يۇنان تېبېس سەركەردىسى. دادىسى پولىمىئوس (Polymios) ئاقسۆڭەكلەرگە تەۋە بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىسى نامرات بولغان. ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا پىتاگوراسچىلاردىن بولغان لىسىس (Lysis) تىن ئۆگەنگەن. كېيىن تېبېستا دېموكراتىك ھاكىمىيەت قۇرغان ھەم ھەربىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان (مىلادىدىن 379 يىل ئىلگىرى). مىلادىدىن 371 يىل ئىلگىرى، سپارتا تېبېسقا بېئوتىيە (Boeotia) ئىتتىپاقىنى تارقىتىۋېتىشنى بۇيرۇغاندا قەتئىي باش تارتقان. ئارقىدىنلا پېلوپىداس بىلەن بىللە سپارتانىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان؛ لېئوكتر (Leuctra ئوتتۇرا يۇناندا) ئۇرۇشىدا «قىيپاش قوزۇقلۇق» سەپ ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كىلېئومبروتوس (Cleombrotos) قوماندانلىقىدىكى سپارتا قوشۇنىنى يېڭىپ، نامى چىققان. مىلادىدىن 370 يىل ئىلگىرى، غەلىبىدىن پايدىلىنىپ پېلوپوننېسقا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، سپارتاغا يەنە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن، سپارتاغا قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن ھەمدە ئاركادىيە، مىسىسېنىيىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئاكاييا رايونىنىڭ ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بەرگەن؛ مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگەندىلا سپارتا ئۇزاقتىن بۇيان رەھبەرلىك قىلىپ كەلگەن پېلېپوننېس ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ كەتكەن. دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇرۇپ، ئافىنا بىلەن دېڭىزدا تەڭپۇڭلۇق تالاشقان. ئافىنا بىلەن سپارتا زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندا تېبېسنى بىر مەھەل يۇناندا كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورۇنغا ئىگە قىلغان. مىلادىدىن 362 يىل ئىلگىرى ئاركادىيىنى قوللاش يۈزىسىدىن پېلوپوننېسقا يەنە بىر قېتىم لەشكەر تارتىپ چىقىپ، مانتىنېيە (Mantienea، ئاركادىيە چېگرىسى ئىچىدە) ئۇرۇشىدا يەنە سپارتا ئارمىيىسىنى تارمار قىلغان؛ لېكىن ئېغىر يارىلىنىپ ھالاك بولغان. تارىخشۇناسلار ھەمىشە ئىپامىنونداسنىڭ پائالىيىتىنى تېبېسنىڭ مۇشۇ قىسقىغىنا ۋاقىت گۈللىنىشىنىڭ بەلگىسى قىلىشىدۇ.

ئېپېسوس

  • ئېپېسوس[يەشمىسى:] (Ephesus ياكى Ephesos) ئېپىسۇسمۇ دېيىلىدۇ. قەدىمكى يۇنان شەھىرى. ئورنى كىچىك ئاسىيا قىرغىقىدا بولۇپ، شىمالىي تەرەپتىكى مىلېتۇس (Miletus) بىلەن بۇ رايوننىڭ ئىئونىيە كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مۇھىم شەھەرلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئېگېي دېڭىزى بويىدا ياخشى پورتلار بولۇپ، سودا- سېتىق ترانسپورتى ئۈچۈن پايدىلىق بولغاچقا، تەرەققىياتى تېز بولغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە ليديوس خانلىقى بېسىۋالغان ۋاقىتتا كىچىك ئاسىيا رايونى بويىچە سودا- سانائەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان. كېيىن پېرسىيە، ماكىدونىيە، پېرگامۇ ۋە رىم تەرىپىدىن ئارقا- ئارقىدىن ئىگىلىۋېلىنغان. رىم دەۋرىدە، ئاسىيا مەمۇرىي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولغان. كىچىك ئاسىيانىڭ مەدەنىيەتلىك قەدىمكى شەھەرلىرىدىن بولۇپ، ماتېرىيالىستىك پەيلاسوپ ھېراكلىتوسنىڭ (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىردىن Ⅴ ئەسىرگىچە) يۇرتى ئىدى. شەھەردىكى مەيدان، تىياتىرخانا، مەشق سارىيى، تەنتەربىيە مەيدانى مۇنچا ھەمدە باشقا ئىلاھ ئىبادەتخانىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار (ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئارقىلىق بايقالغان). ئۇنىڭ ساپ يۇنان ئۇسلۇبى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شەھەرنىڭ شەرقىي شىمالىدا مەشھۇر ئارتېمىس (Artemis، ئوۋچىلىق ئىلاھى) نىڭ ئىبادەتخانىسى بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ — Ⅶ ئەسىرلەردە قۇرۇلۇشقا باشلاپ، تەخمىنەن مىلادىدىن 356 يىل ئىلگىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن؛ ئىئونىيىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ياردىمى بىلەن قايتا قۇرۇلغان. كۆركەم، ھەيۋەتلىك بولۇپ، قەدىمكى زاماندىكى دۇنياغا مەشھۇر يەتتە مۆجىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاۋگۇستۇستىن ئىلگىرى، ئارتېمىس ئىبادەتخانىسى يەنە قاچقۇننى «قوغداش ھوقۇقى» دىن بەھرىمەن بولغان. خرىستىئان دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە مۇھىم دىنىي رايونلارنىڭ بىرى بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا سان پاۋلو بىلەن سان يوھاننىڭ بۇ شەھەر بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن بولغان. مىلادى 262- يىلى گوتلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. بۇ شەھەرنىڭ باشقا ناملىرىمۇ بولغان. مەسىلەن: ئالوپې (Alope)، ئورتىگيە(Ortygia)، مورگې (Morge) قاتارلىقلار.

ئېپىرۇس پادىشاھلىقى

  • ئېپىرۇس پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] ئەھلىسەلىپ شەرققە تۆتىنچى قېتىم تاجاۋۇز قىلغان (1202 — 1204) مەزگىلدە، ۋىزانتىيىلىكلەر (گرېكلار) 1204- يىلى ئېپىرۇس (يۇناننىڭ غەربىي شىمالى قىسمىدا) دا قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، نېئاپول پادىشاھلىقى ئانجۇ خاندانلىقى بىلەن ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى پالائېئولوگۇس خاندانلىقىنىڭ تالىشىش ئوبيېكتى بولۇپ قالغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە بېقىنغان، كېيىن يەنە سېربىيىگە قارايدىغان بولغان. 1430- يىلى تۈركلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.

ئېپىرۇس

  • ئېپىرۇس[يەشمىسى:]Epirus) قەدىمكى يۇناننىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر رايون. شىمالىي ئىللىرىيە ۋە ماكېدونىيىگە، شەرقىي پىندۇس (Pindus) تېغى ئارقىلىق تېسسالىيىگە، جەنۇبىي ئامبراكىيە ۋە ئاكارنانىيە (Акарнания) گە غەربىي ئىئونىيە دېڭىزىغا چېگرىداش؛ دېڭىز بويىدىكى كۆپلىگەن ئاراللىرى ئىچىدە كورسىرا (Corcyra) ئەڭ چوڭ. ئاھالىلىرىنىڭ تەركىبى يۇنان قان سىستېمىسىدىن بولۇپلا قالماي، دەسلىپىدە پېلاسگى (Пеласги) لار كېيىن ئارىلاش كۆچۈپ كەلگەن ئىللىرىيىلىكلەرمۇ بولغان. پايتەختى دودونا (Dodona) دا مەشھۇر تەڭرى سارىيى بولۇپ، بۇنى پېلاسگىلار زېۋىسقا ئاتاپ سالدۇرغان. پۈتۈن زېمىنىدا ئون نەچچە قەبىلە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى مولوس (Molossi) لار، جەنۇبتىكى مولوسىس (Molossis) رايونىغا تارقالغان، مولوس بەگلىرىنىڭ نەسەبىي ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رىۋايەتتىكى باتۇر ئاكىللېسقا چېتىلىدىكەن، كېيىن ئېپىرۇسنى بىرلىككە كەلتۈرگەن پىرۇس (Pyrrhos) جەمەتى ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىسانىلىدىكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مەزكۇر خان جەمەتى جەنۇبىي ئىتالىيىگە لەشكەر تارتىپ كىرىپ، تاررېتۇملىقلارنىڭ ئۇرۇش قىلىشىنى قوللىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن Ⅲ ئەسىرگىچە بولغان پادىشاھ پىرۇس ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە سىرتقا كېڭىيىپ، كەڭ يەرلەرنى ئىگىلىۋالغان؛ يەنە بىر قېتىم ئىتالىيىگە بېسىپ كىرىپ ئۇرۇش قىلىپ، رىم تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان، مىلادىدىن 198 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيىگە بېقىندى بولۇپ قالغان. رىم بىلەن ماكېدونىيە ئۇرۇشى (ئۈچىنچى قېتىم) دا كېيىنكىسىنى قوللاپ، رىم كونسۇلى ئېمىلىئوس پائۇل (Aemilius Paulus) نىڭ ياۋۇزلارچە قىساس ئېلىشى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئېپىرۇسنىڭ 70 شەھىرى ۋەيران قىلىنىپ ۋە بۇلاپ- تالىنىپ، 150 مىڭ ئاھالە قۇل قىلىنغانىكەن. مىلادىدىن 146 يىل ئىلگىرى رىم زېمىنىغا قوشۇۋېلىنىپ، ئاتاييە ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇلغان. 

ئېپىسكوپ

  • ئېپىسكوپ[يەشمىسى:] يۇنانچە (episkopos) دېگەندىن كەلگەن، مەنىسى «نازارەتچى» دېگەنلىك. كاتولىك ۋە پراۋوسلاۋىيە دىنىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك روھانىي خادىمى. پاتېرىختىن يۇقىرى تۈرىدۇ. ئادەتتە بىر رايون خاراكتېرلىك چېركاۋنىڭ باشقۇرغۇچىسى. ئېپىسكوپلۇق مەرتىۋىسى بەزى ھاللاردا تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ غەيرىي مەرتىۋىلىك دەرىجىلەرگە بۆلۈنىدۇ. مەسىلەن: ئېپىسكوپتىن يۇقىرى تۇرىدىغان ئارخېئېپىسكوپ، پايتەخت ئېپىسكوپى (پايتەخت ياكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ) قاتارلىقلار. ئېپىسكوپلۇق تۈزۈمى مىلادى Ⅱ ئەسىرلەردە شەكىللەنگەن. ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى كاتولىك مەملىكەتلىرىدە كەڭ كۆلەمدىكى يەرلەرنى ئىگىلىگەن، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئەدلىيە قاتارلىق كەڭ ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولغان. ئېپىسكوپلار پاپاغا بويسۇنغان، ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ پاپاغا بويسۇنۇش دەرىجىسى پاپا بىلەن ئېپىسكوپ ياشاۋاتقان دۆلەتتىكى پادىشاھلىق ھوقۇق ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسىغا باغلىق بولغان. ⅩⅥ ئەسىردىكى دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىدە، گېرمانىيىدىكى پروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بەگلىكلەر ۋە شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئېپىسكوپلۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلغان. پروتېستانت دىنىنىڭ ئانگلىكان چېركاۋى قاتارلىقلار ئېپىسكوپلۇق تۈزۈمنى يەنىلا ساقلاپ قالغان. لېكىن ئېپىسكوپلار يەنىلا پاپاغا قارام بولماستىن، بەلكى شۇ دۆلەتنىڭ كورۇلىنىڭ پەرمانى بويىچە چېركاۋنىڭ باشلىقى بولغان.

ئېپىسكوپلۇققا تەيىنلەش ھوقۇقى

  • ئېپىسكوپلۇققا تەيىنلەش ھوقۇقى[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئەسىرلەردە غەربىي ياۋروپادىكى فېئودال يەر ئىگىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە بېقىندى كىشىلەرگە يەر ۋە ئەمەل ئۇنۋانى بېرىش ھوقۇقى تەيىنلەش ھوقۇقى دېيىلەتتى. بۇنىڭدا ئازراق نەم توپا، شەمشەر، بايراق ۋە ھوقۇق بەلگىسى قاتارلىقلار سىمۋول قىلىناتتى. ئېپىسكوپ ۋە موناستىر باشلىقلىرىغا يەر مۆھۈرلەپ بېرىش ۋە دىنىي ۋەزىپە بېرىش ھوقۇقى ئېپىسكوپلۇققا تەيىنلەش ھوقۇقى دېيىلەتتى. ئادەتتە بۇنىڭغا ئىككى نەرسە سىمۋول قىلىناتتى، ئۈزۈك بىلەن ھاسا دىنىي ھوقۇقنىڭ سىمۋولى، ھوقۇق بەلگىسى دىندىن سىرت ھوقۇقنىڭ سىمۋولى قىلىناتتى. ئېپىسكوپلۇققا تەيىنلەش ھوقۇقى ئۇزۇن زامانلارغىچە خان، كورۇللارنىڭ ئىلكىدە بولۇپ كەلگەن. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ پاپانىڭ تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقتىن، ئېپىسكوپ ۋە موناستىر باشلىقلىرىنى پاپا بەلگىلەشنى تەشەببۇس قىلغاچقا، پاپا بىلەن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرى پاپا گرېگورى Ⅶ بىلەن ئىمپېراتور ھېنرىخ Ⅳ ئوتتۇرىسىدىكى ئېپىسكوپلۇققا تەيىنلەش ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى ھەممىدىن كەسكىن بولغان. 1122- يىلى گېرمانىيە ئىمپېراتورى ھېنرىخⅤ بىلەن پاپا كالىكىستۇسⅡ ئوتتۇرىسىدا «ۋورمس دىنىي كېلىشىمى» ئىمزالىنىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ۋاقتىنچە مۇرەسسە بىلەن ئاخىرلاشقان. بۇ خىلدىكى كۈرەشلەر ئەنگلىە، فرانسىيىلەردىمۇ يۈز بەرگەن.

ئېپىكتېتوس

  • ئېپىكتېتوس[يەشمىسى:]Epiktetos ياكى Epictetus، مىلادى تەخمىنەن 55 — 135) قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى يېڭى سىتوئىكوچى پەيلاسوپ. يۇنانلىق، فرىگىيا (كىچىك ئاسىيا) دىكى ھيېراپول (Hierapolis) دا تۇغۇلغان. قۇل بولۇپ، خوجايىنى ئېپافرودىت (Epaphroditus، ئۇ ئەسلىدە پادىشاھ نېرو قويۇپ بەرگەن قۇل بولۇپ، كېيىن ئەمەلدار بولغان) ئۇنى قويۇپ بەرگەن، رىمدا پەلسەپە ئوقۇغان پادىشاھ دومتىئان تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (81 — 96) پەيلاسوپلار كۆپلەپ قوغلاپ چىقىرىلغاندا، ئېپىرۇس (بالقان يېرىم ئارىلى) تىكى نىكوپولىس (Nicopolis) قا سۈرگۈن قىلىنغان. شۇ يەردە قېرىپ ئۆلگەن. ئۇنىڭ ئۆزى ئەسەر قالدۇرمىغان. ئاساسەن شاگىرتى ئاررىئان ئۇنىڭ ئىدىيىسى توغرىسىدىكى «تېزىسلار» نى تۈزگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ نۇتۇقلىرى خاتىرىسى سەككىز توملۇق «ئۇستاز بايانلىرى» (ھازىرغىچە تۆت توم ساقلانماقتا) نى تۈزۈپ چىققان، ئۇنىڭدىن ئېپىكتېتوسنىڭ ستوئىكوچىلىق قاراشلىرىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇ بۇ ئالەمدىكى تۇرمۇشتىن بىزار بولىدىغان تەقدىرچىلىكنى تەرغىپ قىلىپ، ئادەمنىڭ ھاياتى خۇددى مەھبۇسقا ئوخشايدۇ، ئادەمنىڭ جېنى تېنىگە نەزەربەند قىلىۋېتىلگەن، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ئەخلاق ھەققىدىكى ھېكمەتلىك سۆزى سەۋرچان بولۇش ۋە ئۆزىنى تۇتۇش دېگەندىن ئىبارەت. ئۇ، ئادەم ئەقىل ۋە تۇغما بىلىشنىڭ يېتەكچىلىكىگە بويسۇنۇشى كېرەك؛ ئادەم روھىي ئەركىنلىككە ۋە بەختكە ئىگە بولماقچى بولىدىكەن، بارلىق دەھرىي بىئاراملىق ۋە قايمۇقۇشلارنى چۆرۈپ تاشلىشى، ھەرگىز تاشقى شەيئىلەر بىلەن ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى قالايمىقانلاشتۇرماسلىقى لازىم، دەپ قارىغان. ئۇ ئىلاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن. ئىلاھ ئالەمنى ئادىللىق بىلەن باشقۇرىدۇ، كىشىلەرگە تۈرلۈك روللارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ(ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىنمۇ ياخشى)، شەخسنىڭ ۋەزىپىسى ئۆزىنىڭ رولىنى ئويناشتۇر، دەپ قارىغان. پەقەت ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى يېتىدىغان دائىرىدىكى نەرسىلەرنىلا ئىشقا سېلىش، باشقىسىدا بولۇشىغا قويۇپ بېرىش (ئىلاھ ئىرادىسىگە بويسۇنۇش) نى تەشەببۇس قىلغان، ئۇ يەنە كىشىلەر مېھرىبان بولۇشى، ھەتتا ئۆزىنىڭ دۈشمىنىگىمۇ ياخشىلىق قىلىشى كېرەك، دەپ قارىغان. بۇنداق ۋەز- نەسىھەت خرىستىئان دىنى پەيدا بولغان دەۋر (مىلادى Ⅱ — Ⅰ ئەسىر) دە رىم ئىمپېرىيىسىدە، بولۇپمۇ تۆۋەن قاتلامدىكى ئامما ئىچىدە ساقلانغان پاسسىپ كەيپىياتقا ماسلاشقان. 

ئېپىكورۇس

  • ئېپىكورۇس[يەشمىسى:] (Epikouros ياكى Epicurus، مىلادىدىن ئىلگىرى 341 — 270) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. ئېپىكورۇس ئېقىمىغا ئاساس سالغۇچى. ئاتىكا (ئافىنا) نىڭ گارگېت (Gargettus) دېگەن يېزىسىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا دادىسى نېئوكل (Neocles) بىلەن بىللە ساموس ئارىلىغا كۆچۈپ كەلگەن (ساموستا تۇغۇلغان دېگەن گەپمۇبار). تەخمىنەن 18 يېشىدا ئافىناغا بېرىپ، ئاكادېمىيە ئېقىمىدىكى سېنوكرات (Xenocrates) نى ئۇستاز تۇتقان. كېيىن مىتىلېن (Mytilene)، رامپوساك (ھېلېسپونت دېڭىز بوغۇزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا) قاتارلىق جايلارغا بېرىپ پەلسەپىدىن دەرس ئۆتكەن. تەخمىنەن 35 ياش ۋاقتىدا ئافىناغا قايتىپ كېلىپ، 80 مىناغا بىر باغنى سېتىۋېلىپ، بۇ يەردە شاگىرت قوبۇل قىلىپ، دەرس سۆزلەپ، ئۆز ئېقىمىنى قۇرۇپ چىققان. ئىقتىسادچان، كەمتەر ۋە خۇش پېئىل بولۇپ، كېيىنكى ئۆمرىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزگەن. ئىدېئالىزمغا قارشى تۇرۇپ، ماددىي دۇنيانىڭ بىردىنبىر چىنلىق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. دېموكرىتنىڭ ئاتوم تەلىماتىغا ئىشەنگەن ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغان. بۆلۈنمەيدىغان، مۇتلەق تولۇق بولغان ئاتوملارنىڭ ھەجمى، شەكلى ئوخشاش بولمايلا قالماستىن، ئېغىرلىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئىچكى سەۋەب تۈپەيلىدىن ئاتوم ماكاندا تۈز سىزىقلىق ھەرىكەتتە بولۇپلا قالماستىن، يانتۇ سىزىقلىق ھەرىكەتتىمۇ بولىدۇ، دەپ تەشەببۇس قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئاتوم ھەرىكىتىنى چۈشەندۈرۈش جەھەتتە، ئۇ دېموكرىتنىڭ تاسادىپىيلىقنى يوققا چىقىرىدىغان نۇقتىئىنەزەرىنى تۈگەتكەن، بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتە ھېسسىي بىلىشنىڭ رولىنى تەكىتلەپ تۇيغۇ (تۇيغۇ ئەزالىرى) ئىشەنچلىك بولىدۇ. خاتالىق پەقەت كىشىلەرنىڭ تۇيغۇ ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش ۋە ھۆكۈملىرىدىلا مەۋجۇت دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئۇنىڭ ماتېرىيالىزملىق ئىدىيىسى تەقدىرچىلىكنى ئىنكار قىلىش ۋە روھ ئۆلمەيدۇ (قەدىمدىن تارقىلىپ يۈرگەن قاراش) دېگەنگە قارشى تۇرۇشتا ئىپادىلەنگەن. ئۇ خۇدا مەۋجۇت بولغان تەقدىردىمۇ، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىشلارغا ئارىلاشمايدۇ، دىن تەسەللى بولماستىن، بەلكى كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ غەم- ئەندىشە ئېلىپ كېلىدۇ؛ كىشىلەر خۇدا ۋە دىننىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن ئازاد قىلىنىشى كېرەك، دەپ قارىغان. روھ بىر خىل ناھايىتى كىچىك ئاتومدىن تەركىب تاپىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشى بۇ خىل روھ ئاتومىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى بولۇپ، يەنە ھەرقانداق تۇيغۇنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمدىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ كۆرسەتكەن. كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مەقسىتى تۇيغۇنى خۇشاللىققا ئېرىشتۈرۈش ۋە ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇشتا، خۇشاللىق — ياخشىلىق، خۇشاللىق — بەخت («خۇشاللىق پەلسەپىسى» دېگەن شۇ) دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. مۇبادا خۇمار، مۇھەببەت ۋە ئاڭلاش، كۆرۈش تۇيغۇسىنىڭ خۇشاللىقى بولمايدىغان بولسا، ياخشىلىقنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ ھېسابلىغان، لېكىن ئۇ شەھۋانىيلىققا بېرىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ئەمەس، بەلكى ئەقىلنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى، يەنى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىدىيە ئارقىلىق سەزگۈ ئەزالارنىڭ ئازدۇرۇشىن-ى توسۇپ، بۇ ئارقىلىق روھىي خاتىرجەملىك (Ataraxia) ھالىتىگە يېتىشنى تەلەپ قىلغان. ئېپىكورۇس كېيىنكى مەزگىلدىكى يۇناننىڭ داڭلىق ماتېرىيالىزمچىسى ۋە ئاتېئىزمچىسى ئىدى. ئۇنىڭ كۆپ خىل ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ زور كۆپ قىسمى يوقىلىپ كېتىپ، بۈگۈنگىچە پەقەت «تەبىئەت توغرىسىدا» ( 37 توم) نىڭ پارچىلىرى ۋە 40 نەچچە قائىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تەلىماتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى» لا ساقلىنىپ قالغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئۈچ پارچە خېتىنىڭ ھەقىقىي ياكى ساختىلىقى تېخى بېكىتىلمىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردىكى رىملىق لۇكرېتسىي ئېپىكورۇسنىڭ مۇرىتى بولۇپ، ئۇنىڭ «ماددا توغرىسىدا» دېگەن داستانى ئېپىكورۇس تەلىماتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

ئېتىكا سوتسىيالىزمى

  • ئېتىكا سوتسىيالىزمى[يەشمىسى:] كانتنىڭ ئىدېئالىزملىق ئېتىكا ئىدىيىسىنى سوتسىيالىزم قىلىپ كۆرسىتىدىغان بىر خىل تەلىمات. ⅪⅪ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا يېڭى كانتزمچى كوھېن (Hermann Cohen،1842— 1918) قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان، كېيىن ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئاغمىچىلىرىدىن بېرنېشتېيىن قاتارلىقلار ماركسىزمغا «تۈزىتىش كىرگۈزۈش» تە ئۇنىڭدىن ئىدىيىۋى قورال سۈپىتىدە پايدىلانغانىدى. ئېتىكا سوتسىيالىزم ئىدىيىسى گېرمانىيە، ئىتالىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان. بۇ ئىدىيىدىكىلەر سوتسىيالىزم بىر خىل ئابستراكت ئەخلاق غايىسى، ئۇنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى ئېتىكا بولۇشى لازىم، دەپ جاكارلىغانىدى. كىشىلەرنىڭ ئېتىكىلىق ئەخلاق جەھەتتىكى ئۆز- ئۆزىنى تەربىيىلىشى، ئۇلارنى بارلىق ئىجتىمائىي ئاپەتلەردىن ساقلاپ قالىدۇ، دېگەننى تەرغىپ قىلاتتى. ئۇلار سىنىپىي جەمئىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنى سىنىپىي كۈرەش ئەمەس، بەلكى بىر خىل سىنىپتىن خالى، مەڭگۈلۈك ئەخلاق پرىنسىپلىرىغا بولغان ئىنتىلىش، يەنى كانتنىڭ «پاك ئىرادىسى» نىڭ تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ ھېسابلايتتى. ئۇلار سىنىپىي مۇرەسسەنى تەرغىپ قىلىپ، ماركسىزمنىڭ سىنىپىي كۈرەش ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى تەلىماتىغا قارشى تۇرغانىدى.

ئېتورۇرىيە

  • ئېتورۇرىيە[يەشمىسى:] (Etruria) ئىتالىيىدىكى قەدىمكى رايون نامى. يېرىم ئارالنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئارنو دەرياسى بىلەن تېۋېر (Tevere) دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، تەخمىنەن ھازىرقى توسكاناغا توغرا كېلىدۇ. «ئېتورۇرىيىلىكلەر» گە قارالسۇن.

ئېترورىيىلىكلەر

  • ئېترورىيىلىكلەر[يەشمىسى:] (Etrusci) ئىتالىيە يېرىم ئارىلىدىكى قەدىمكى خەلق كىچىك ئاسىيادىن ئىتالىيىگە كۆچۈپ كېلىپ، ئېتىرورىيە (Etruria، ھازىرقى توسكانا) دە ماكانلىشىپ قالغانلارنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بەزىلەر ئىتالىيىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى دەپمۇ قارايدۇ. مەدەنىيىتى باشقا ئىتالىيىلىكلەرنىڭكىدىن يۇقىرىراق بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردە شەھەر مەيدانغا كەلگەن، كېيىن شەھەرلەر كۆپىيىپ 12 گە يەتكەن. ئاھالىسى تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلغان ھەمدە سۇغىرىش، سۇ چىقىرىۋېتىش ئەسلىھەلىرىنى ياسىغان. مېتال ئېرىتىش، ساپالچىلىق قاتارلىق قول سانائىتىمۇ تەرەققىي قىلغان. قەدىمكى يۇنان يېزىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەرپلىك يېزىقى بولغان، دۆلەتكە ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە گۈللىنىپ، زېمىنى شىمالدا پو دەرياسىغىچە، جەنۇبتا كامپانىيىنىڭ كەڭ رايونلىرىغىچە يېتىپ بېرىپ، ئوتتۇرا دېڭىزدىكى يۇنانلىقلار ۋە كارفاگېنلىقلار بىلەن ئۈچ تەرەپ تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. مىلادىدىن 616 يىل ئىلگىرى رىمنى بويسۇندۇرغان. رىم پادىشاھلىق دەۋرىنىڭ كېيىنكى ئۈچ يادىشاھى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئېترورىيىلىكلەردىن بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى رىملىقلار تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. مىلادىدىن 474 يىل ئىلگىرى، سىراكۇزى بىلەن قۇم ئۇرۇشىنى ئېلىپ بېرىپ مەغلۇپ بولۇپ، بارا- بارا ئاجىزلىشىپ كەتكەن. كېيىن ئۈچ قېتىملىق ۋىئې ئۇرۇشى ئارقىلىق، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاخىرى رىم تەرىپىدىن يېڭىلىپ، زېمىنى رىم جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇۋېتىلگەن. ئېترورىيىلىكلەرنىڭ دىن ۋە مەدەنىيىتى رىمغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.

ئېتوسىنچى

  • ئېتوسىنچى[يەشمىسى:]1834 — 1874) ياپونىيە مېيجىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ۋەزىرى. ساگا ۋاسساللىقىدا تۆۋەن دەرىجىلىك سامۇراي تەبىقىسىدىن كېلىپ چىققان. پادىشاھنى ھۈرمەتلەش، ياۋلارنى چەتكە قېقىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. شەرققە يۈرۈش قىلىش قوشۇنىنىڭ باش لەشكەر بېشى، ئېدو مۇداپىئە تەپتىش بېگى، مەمۇرىي ۋازارەت باش نائىپى، ئىككىنچى پالاتا مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1872- يىلى ئەدلىيە كاتىپى بولۇپ «قانۇن- نىزام» (جىنايى ئىشلار قانۇنى) نى تۈزۈپ چىقىشقا كىرىشكەن، ھەق- تەلەپ قانۇنى تۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1873- يىلى ئالىي پالاتا ئەزاسى بولغان، سايگوتا كامورى، ئىتاگاكى تائىسۇكى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ «كورىيىنى بويسۇندۇرۇش نەزەرىيىسى» نى قوللىغانلىقى سەۋەبلىك خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن.1874-يىلى 1- ئايدا، ئىتاگاكى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ۋەتەنپەرۋەر ئادالەتچىلەر پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن، خەلق سايلىمى پارلامېنتى تەسىس قىلىش تەكلىپنامىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 2- ئايدا، ساگادىكى نارازى بولغۇچى يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنى باشلاپ توپىلاڭ قىلغان، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئېتولىيە ئىتتىپاقى

  • ئېتولىيە ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] قەدىمكى يۇناندىكى بىر قىسىم شەھەر بەگلىكلىرىنىڭ ئېتولىيە (Aetolia، ئوتتۇرا يۇناندا) نى مەركەز قىلىپ تۈزگەن ئىتتىپاق. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياكى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەكىللەنگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تەرەققىي قىلىپ فىش، بوئېئوتىيىنى ۋە جەنۇبىي يۇناندىكى ئېلىس، مېسسېنىيە شەھەرلىرىنى، شۇنىڭدەك ئېگېي دېڭىزىدىكى بەزى ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ئىتتىپاق بولۇپ قالغان؛ ئۇ ماكېدونىيىنىڭ بېسىپ كىرىشىگە بىرلىكتە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەمدە ئىتتىپاققا قاتناشقان بەگلىكلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان. سىياسىي مەركىزىي ئېتولىيە چېگرىسى ئىچىدىكى تېرمۇم (Thermum) دا قۇرۇلغان. ئىتتىپاققا كىرگەن بەگلىكلەرنىڭ پۇقرالىرى قاتنىشىدىغان پۇقرالار يىغىنى ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان بولۇپ، يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىپ، ئۇرۇش ئېلان قىلىش، سۈلھ قىلىش قاتارلىق چوڭ مەسىلىلەرنى قارار قىلغان ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى سايلىغان. ھەربىي ئىشلار چوڭ ھوقۇقىنى ئىگىلەپ تۇرغان گېنېرال تاشقى ئىشلارنىمۇ باشقۇرغان شۇنىڭدەك يەنە ئىتتىپاق كېڭىشىدىن ئىبارەت دائىمىي ئاپپارات قۇرۇلغان، ئۇنىڭغا ھەرقايسى بەگلىكلەر ۋەكىل قاتناشتۇرۇپ، مەمۇرىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغان. ئىتتىپاققا قاتناشقان بەگلىكلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى ئوخشاش بولغان، ئۇلار مەلۇم ساندا ئەسكەر مەنبەسى بىلەن تەمىنلىگەن ۋە ئىتتىپاق بەدىلى تاپشۇرغان. لېكىن ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ھوقۇقى بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ- Ⅲ ئەسىرلەردە دائىم جەنۇبىي يۇناندىكى ئاقائىيە ئىتتىپاقى بىلەن تەسىر دائىرىسىنى تالىشىپ تۇرغان. ماكېدونىيىگە قارشى تۇرۇش ۋە يۇناننىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش جەريانىدا، ئېتولىيە ئىتتىپاقى كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى يۇناننىڭ مۇھىم سىياسىي كۈچى بولۇپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رىم يۇناننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئىتتىپاق تارقىتىۋېتىلگەن.

ئېتېننې مارسېل

  • ئېتېننې مارسېل[يەشمىسى:]Etienne Marcel،؟—1358)1357—1358-يىللاردىكى پارىژ شەھەر ئاھالىسى قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى. بۇرۇن پارىژ يۇڭ توقۇلما سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1357- يىلى 3- ئايدا پارىژ شەھەر ئاھالىسىنى باشلاپ شاھزادە چارلېس (يەنى كېيىنكى فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅴ) نى «مارت ئومۇمىي كەچۈرۈمنامىسى» نى ئېلان قىلىپ ئۈچ دەرىجىلىك يىغىننىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ماقۇل بولۇشقا، ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنى تەرتىپكە سېلىشقا مەجبۇر قىلغان. لېكىن يولغا قويۇلمىغان. 1358- يىلى 2- ئايدا، قوزغىلاڭ ئارقىلىق پارىژ شەھەر مەمۇرىيىتىنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى ئەمەلىي قولغا ئالغان. ئۇنىڭ يۈرگۈزگەن باج سىياسىتى پەقەت يۇقىرى قاتلام شەھەر ئاھالىسىگىلا پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، شەھەردىكى ئاددىي پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن 300 كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىپ، 1358- يىلى 5- ئايدا پارتلىغان سەھرالىقلار قوزغىلىڭى بىلەن ئالاقىلىشىپ، فېئودال كۈچلەرنىڭ پارىژنى مۇھاسىرىگە ئېلىشىنى بىكار قىلماقچى بولغان، ئەمما قوزغىلاڭچى دېھقانلار ياردەمگە تازا موھتاج بولۇۋاتقان پەيتتە، ئۆزىگە قاراشلىق قوشۇننى قايتۇرۇپ كەتكەن. پارىژ شەھەر ئاھالىسىنىڭ قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇرۇن ئۆزىگە ئەگەشكۈچىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

ئېتىراز بىلدۈرۈش خېتى

  • ئېتىراز بىلدۈرۈش خېتى[يەشمىسى:] ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئۇزۇن مۇددەتلىك دۆلەت مەجلىسى 1641- يىلى 12- ئايدا كورۇل چارلېس Ⅰ غا فېئودال مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن سۇنغان 204 ماددىلىق ھۈججەت. بۇ، دۆلەت مەجلىسى بىلەن كورۇلنىڭ بۆلۈنگەنلىكىنىڭ بەلگىسىدۇر. ئۇنىڭدا پادىشاھ جەمەتىنىڭ ھوقۇقتىن كەلسە- كەلمەس پايدىلانغان تۈرلۈك ئەھۋال كۆرسىتىلىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە دۆلەت مەجلىسى ئالدىدا جاۋابكار بولىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسىگە زور ھوقۇق بېرىش تەلەپ قىلىنغان. ئۇنىڭغا تەلەپنامە قوشۇمچە قىلىنىپ، ئېپىسكوپنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەش، دىنىي زىيانكەشلىكنى تۈگىتىش، چېركاۋنىڭ زۆرۈر بولمىغان قائىدىلىرىنى بىكار قىلىش، پادىشاھ قانات ئاستىغا ئالغان مەسئۇلىيەتسىز ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەمدە ئېرلاندىيىدە يىغىۋېلىنغان يەرلەرنى دۆلەتنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋالماسلىق ۋە باشقىلار تەلەپ قىلىنغان. بۇ ھۈججەت كېيىن كىتابچە قىلىپ بېسىلىپ كەڭ تارقىتىلغان. بۇنىڭ بىلەن مەملىكەت ئىچىدە خان جەمەتى ۋە كاتولىك دىنىغا قارشى كەيپىيات كۈچىيىپ، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىنى تېزلەتكەن.

ئېچېۋىرىيە

  • ئېچېۋىرىيە[يەشمىسى:] (Esteban Echeverria، 1805 — 1851) ئارگېنتىنالىق شائىر، يازغۇچى. ياشلىق دەۋرىدە فرانسىيىدە تۇرۇپ، رومانتىزمدىن چوڭقۇر تەسىر ئالغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتىگە ئاكتىپ كىرىشكەن ھەمدە مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات «ماي جەمئىيىتى» نى ئۇيۇشتۇرۇپ، روساسنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، چەت ئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان، تا ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇرۇگۋايدا ئۇزاق ۋاقىت مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. ئۇنىڭ بەش توملۇق ئەسەرلىرى بار. ئاساسلىق ئەسىرى بولغان «ئايال مەھبۇس» دېگەن داستانىدا، ئارگېنتىنا دۆلىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى مەملىكەت ئىچىدىكى مىللىي زىددىيەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ «قۇشخانا» دېگەن ھېكايىسىدە، روساسنىڭ قانلىق ھۆكۈمرانلىقى پاش قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە «گېتار»، «يىقىلغان پەرىشتە»، «ئىرۋىرا» («لاپلاتا دەرياسى قىزى» دېگەن نامىمۇ بار)، «جەنۇب قوزغىلاڭچىلىرى»، «ھال سوراش توپلىمى» قاتارلىق شېئىرلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا «سوتسىيالىزم پرىنسىپلىرى» دېگەن ئەسىرى ۋە «ماي ئىنقىلابىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى» دېگەن تارىخىي ئەسىرى قاتارلىقلار بار.

ئېچىلغان بوز يەر مەڭگۈ خۇسۇسىي مۈلۈك بولۇش قانۇنى

  • ئېچىلغان بوز يەر مەڭگۈ خۇسۇسىي مۈلۈك بولۇش قانۇنى[يەشمىسى:] ياپونىيىدە نارانىڭ ئوتتۇرا دەۋرلىرىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمى. «ئۈچ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى» ئانچە ئۈنۈم بەرمىگەنلىكتىن، مىلادى 743- يىلى (تيەنپىڭنىڭ 15- يىلى) تېرىلغۇ يەرنى كېڭەيتىش ئۈچۈن بۇ قانۇن ئېلان قىلىنىپ، ئېچىلغان بوز يەرلەرنىڭ مەڭگۈ خۇسۇسىي مۈلۈك بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان، بۇ قانۇندا، بوز يەرنى ئېچىشتىن ئىلگىرى، ئۆزلەشتۈرۈلىدىغان يەر ھەققىدە ھۆكۈمەت تەرەپكە ئىلتىماس قىلىش، رۇخسەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۈچ يىلغىچە ئېچىش، ئۈچ يىلغىچە ئاچمىسا، باشقىلارنىڭ ئېچىشىغا بېرىش بەلگىلەنگەن ھەمدە بىرىنچى دەرىجىلىك ئەمەلدار ۋە بىر ئاقسۆڭەك 500 تىڭ (ياپونىيە ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى) بوز يەر ئېچىش بەلگىلەنگەن. ئەمەل دەرىجىسى قانچە تۆۋەن بولسا، چەكلىنىدىغان سان شۇنچە ئاز بولغان، پۇقرالارغا 10 تىڭ بوز يەر ئېچىش چەكلەپ بېرىلگەن. نەتىجىدە، تەسىر كۈچى بولغان ئاقسۆڭەكلەر، ئىبادەتخانىلار، ئىلاھىي جەمئىيەتلەر ۋە يەرلىك زومىگەرلەر بىرلىشىپ بوز يەر ئاچقان ھەمدە دېھقانلار ئاچقان يەرلەرنى سېتىۋېلىپ قورۇق قۇرغان. 765- يىلى (تيەنپىڭ شىنخۇنىڭ بىرىنچى يىلى) بوز يەر ئېچىش مەنئى قىلىنغان، لېكىن ئۇنى توسۇيالمىغان، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە ئېچىشقا يول قويۇلغان، ئومۇم يېرىگە بولغان پۇقرالار مۈلۈكچىلىكى شۇنىڭ بىلەن بىتچىت بولغان.

ئېدوباكو شوگونلۇقى

  • ئېدوباكو شوگونلۇقى[يەشمىسى:] توكۇگاۋا شوگونلۇقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياپونىيە توكۇگاۋا ئىياسۇنىڭ ئېدو (ھازىرقى توكيو) دا قۇرغان فېئودال ھاكىمىيەت ئاپپاراتى. 1603- يىلى (ياپونىيە يوشىناگا 8- يىلى)توكۇگاۋا ئىياسۇ ياۋلارغا جازا يۈرۈش قىلغۇچى باش سىياگۇن بولۇپ، ئېدو شەھىرىدە شوگنات تەسىس قىلغان مەزگىلدىن باشلاپ، تاكى 1867- يىلى توكۇگاۋا ئىسنوبۇ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگىچە بولغان جەمئىي 265 يىل ۋاقىت داۋام قىلغان. توكۇگاۋا جەمەتىگە بىۋاسىتە تەۋە بولغان زېمىندىن ئېلىنىدىغان باج خىراج 7 مىليون دەنگە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت باج خىراج ئومۇمىي سانىنىڭ %3.22 نى ئىگىلىگەن، ئۇ، يەنە پۇل تارقىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇۋالغان ھەمدە ماچىلار (سودا- سانائەتچىلەر) دىن باج يىغىۋالغان، كۈچلۈك ئىقتىسادىي كۈچى بىلەن باشقا تۆرىلەرنى بېسىپ چۈشكەن. تۆرىلەر توكۇگاۋا ئىياسۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىن- يىراقلىقىغا قاراپ، يېقىن ۋاسسال تۆرىلەر، نەسەبداش تۆرىلەر (ئەسلىدىكى بېقىندىلار)، يات تۆرىلەر (سېكىخارا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەل بولغانلار)دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنگەن. تۆرىلەر بەلگىلىك ۋاقىتتا ئېدوغا كېلىپ، سىياگۇننى زىيارەت قىلىپ تۇراتتى، ھەربىي خىزمەت، سېلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى ھەمدە ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىنى بارىمتاي قىلىپ ئېدودا تۇرغۇزۇشى كېرەك ئىدى. شۇ ئارقىلىق بىر يۈرۈش باكۇ شوگنات ۋاسساللىقى تۈزۈمىنى بەرپا قىلغان. باكۇ شوگناتلىقى 3- ئەۋلاد سىياگۇن ئىمسو دەۋرىدە پەيدىنپەي مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن. سىياگۇننىڭ قول ئاستىدا بىر نەپەر باش ئاقساقال، تۆت نەپەر ئوتتۇرانچى ئاقساقال، تۆت نەپەر كەنجى ئاقساقال بولۇپ، باكۇ شوگناتىنىڭ بېقىندىلىرىغا قوماندانلىق قىلغان. ئوتتۇرانچى ئاقساقالنىڭ قول ئاستىدا شەھەر ھاكىمىيەت ئىجراچى، چارلاپ تەكشۈرۈش ئىجراچى تەسىس قىلىنغان، بۇنىڭدىن باشقا ئىبادەتخانا مۆتىۋەللىلىرى ئۇيۇشمىسى ئىجراچىسى بولۇپ، بىۋاسىتە سىياگۇنغا قارىغان. خان جەمەتى بىلەن كىنكىنىڭ غەربىدىكى تۆرىلەر ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ئۈچۈن كىيوتودا مەھكىمە ۋەكالەتچى قويۇلغان. بىۋاسىتە قاراشلىق سامۇرايلاردىن تۇغلۇق، ئولاقچى، خانلىق سامۇرايلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇلازىملىرى بىلەن قوشۇلۇپ «سەككىز تۈمەن تۇغلۇق چەۋەنداز» لار دەپ ئاتالغان. ھەربىي كۈچى جەھەتتىن باشقا ۋاسساللارنى بېسىپ چۈشكەن. جۇڭگولۇق جۇشىينىڭ ئەقىدىلىرىنى فېئودال ھۆكۈمرانلىقنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى قىلغان. يەرلەرنى داۋاملىق ئۆلچەپ چىقىپ، كەنتنى بىرلىك قىلغان ھالدا باج- خىراجنى بەلگىلىگەن، «بەش كىشىلىك گۇرۇپپا» (مەھەللە كېپىللىك تۈزۈمى)نى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنى يەرگە كىشەنلەپ قويغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، مالىيەسى قىيىنلىشىپ، ئېكسپىلاتاتسىيىنى كۈچەيتكەن،دېھقانلار ئۈزلۈكسىز قوزغىلاڭ قىلغان. كىيۆخو ئىسلاھاتى (1716 — 1745)، خېروماسا ئىسلاھاتى (1787 — 1793)ۋە ئاماموكسىئۇ ئىسلاھاتى (1841 — 1893) قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ئۈنۈم بەرمىگەن. سىرتقا قارىتا جۇڭگو بىلەن گوللاندىيىدىن باشقا ئەللەرگە قارىتا 1616- يىلىدىن باشلاپ دۆلەتنى قامال قىلىش سىياسىتىنى قوللانغان، كاتولىك دىنىي مۇرىتلىرىنى باستۇرغان. 1804- يىلى چارروسىيە ئەلچىلىرى ناگاساكىغا يېتىپ كەلگەن. 1853- يىلى ئامېرىكا فلوتىمۇ ياپونىيىگە كەلگەن. باكۇ شوگناتنىڭ ئۇدا چەت ئەللەر بىلەن شەرتنامىلەرنى ئىمزالىشى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ۋاسساللاردىكى تۆۋەن دەرىجىلىك سامۇرايلار بىرلىشىپ، باكۇ شوگناتلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بېسىمى بىلەن، 1867- يىلى 15- ئەۋلاد سىياگۇن توكۇگاۋا ئىسنوبۇ ھاكىمىيەتنى تېننوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. تېننو ئىسنوبۇنى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، زېمىنلىرىنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇغان. ۋۇچىن ئۇرۇشى داۋامىدا ئىسنوبۇ مەغلۇپ بولغان، ئېدوباكۇ شوگونلۇقى ئاخىرى گۇمران بولغان. 

ئېدو شەھىرى

  • ئېدو شەھىرى[يەشمىسى:] ياپونىيە ئېدو شوگونلۇقى تۇرۇشلۇق جاي (ھازىرقى توكيو شەھىرىنىڭ كىيودا رايونى). بۇ جاي كىيودا شەھىرى دەپمۇ ئاتالغان. بۇ يەردە فىئاننىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن — كاماكورا مەزگىلىگىچە بولغان ئارىلىقىدا ھۆكۈم سۈرگەن ئېدو مۇشتۇمزور- ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى تۇرغان. 1457- يىلى ئوتادوگىن شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىققان.1590- يىلى توكۇگاۋا ئىياسۇ شەھەرگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن كېڭەيتىشكە باشلاپ، 1636- يىلى توكۇگاۋا ئېمتىسۇ دەۋرىگىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرۇلۇشى تاماملانغان. ئۇ، ئەينى زاماندا ياپونىيە بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر بولۇپ قالغان. توكۇگاۋا ئىياسۇ بۇ جايدا ياۋلارغا جازا يۈرۈشى قىلغۇچى باش سىياگۇنلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن كېيىن، ئېدو شەھىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىياسىي مەركىزىگە ئايلانغان. 1868- يىلى توكۇگاۋا ئىسنوبۇ بۇ شەھەرنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مېيجى ھۆكۈمىتى پايتەختنى بۇ شەھەرگە يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن ئېدونى توكيوغا ئۆزگەرتىپ، خان سارىيى بەرپا قىلغان، كېيىن ئۇنى يەنە خان شەھىرى دەپ ئۆزگەرتكەن. 

ئېدۋارد

  • ئېدۋارد[يەشمىسى:]1) ئېدۋارد (توۋا قىلغۇچى) (Edward the Confessor،تەخمىنەن 1003 — 1066). ئەنگلىيە كورۇلى(1042— 1066).ئەنگلىيە كورۇلى ئاتېلېت (دەلتى) بىلەن نورماندى مەلىكىسى ئېمىنىڭ ئوغلى. دىنغا بەك ئېتىقاد قىلغانلىقتىن «توۋا قىلغۇچى»دەپ نام ئالغان. لوندوندىكى مەشھۇر ۋېستمىنىستېر چېركاۋى شۇنىڭ ئۈچۈن سېلىنغان. ئۇزاق ۋاقىت نورماندى ئوردىسىدا تۇرغان. تەختتە ئولتۇرغاندىن كېيىن، كورۇل ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىش، يەرلىك كۈچلەرنى بېسىش ئۈچۈن، نورمان دىنىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنى تاللاپ مۇھىم ۋەزىرلىككە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مىسسىئونېرلىققا تەيىنلىگەن ھەم ئۇلارغا نۇرغۇن يەرلەرنى ھەدىيە قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئانگلو- ساكسۇن ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.1051- يىلى ئەڭ چوڭ ئاقسۆڭەك غەربىي ساكىس گرافى گودۋىننى مال- مۈلكىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان. نورماندى كىنەزى ۋىليامنى تەخت ۋارىسى قىلىپ بەلگىلىگەن. ئىككىنچى يىلى گودۋىن ئاقسۆڭەكلەر توپىلىڭىنى قوزغىغان، ئېدۋارد ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە ئوردىدىكى نورمان ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ تولىسىنى مەنسەپتىن قالدۇرغان. 1066- يىلى 1- ئايدا ئېدۋارد ئۆلگەندىن كېيىن تەخت ۋارىسى بولمىغانلىقتىن، گودۋىننىڭ چوڭ ئوغلى ھارولد ۋارىسلىق قىلغان. (2) ئېدۋارد (قارا شاھزادە) (Edward the Black Prince،1330— 1376) ئەنگلىيە شاھزادىسى، ئۇنىڭ دادىسى ئېدۋاردⅢ. ئۇ دائىم قارا رەڭلىك دۇبۇلغا ۋە ساۋۇت كىيىپ يۈرگەچكە، «قارا شاھزادە» دەپ ئاتالغان. قوشۇمچە چىستېر (Chester، ئەنگلىيىنىڭ غەربىي شىمالىدا)گرافى، كورنۋالل (Cornwall)، (ئەنگلىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا)كىنەزى، ۋېللىس شاھزادىسى، ئاكويتان شاھزادىسى ۋە گاسكوۋن شاھزادىسى قاتارلىق مەرتىۋىلەرگە ئىگە بولغان. ئەنگلىيە- فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى 100 يىللىق ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1356- يىلى پوئىتىئېر جېڭىدە فرانسىيە قوشۇنلىرىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان، فرانسىيە كورۇلى جۇنⅡ نى ئەسىر ئالغان. 1367- يىلى ئەسكەر باشلاپ ئىسپانىيىگە كىرىپ، كاستىلنىڭ تەخت تالىشىشىغا ئارىلاشقان. فرانسىيىگە قايتقاندىن كېيىن، 1369- يىلى ئەسكەر باشلاپ بېرىپ لىموگېس شەھىرى (Limoges، فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا غەربىدە) نى بۇلاڭ- تالاڭ قىلغان.

ئېدۋاردⅠ

  • ئېدۋاردⅠ[يەشمىسى:]EdwardⅠ، 1239 — 1307) ئەنگلىيە پلانتاگېنېتىس خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1272 — 1307). ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىⅢ نىڭ چوڭ ئوغلى. دەسلەپكى يىللاردا شاھ دادىسى بىلەن ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە 1263- يىلى 8- ئايدا ئەسكەر باشلاپ بېرىپ ئاقسۆڭەك ئۆكتىچىلەرنىڭ يولباشچىسى سىمون دى مونتخورتنى يەڭگەن ۋە ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. 1270- يىلى سەككىزىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىغا قاتناشقان. قايتىپ كېلىۋاتقاندا دادىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. 1274- يىلى يازدا لوندونغا قايتىپ، رەسمىي تاج كىيگەن.1284- يىلى ۋالېسنى قوشۇۋالغان. كېيىن يەنە شوتلاندىيىنىڭ تەخت تالىشىشىدىن پايدىلىنىپ، شوتلاندىيىگە بېسىپ كىرگەن. كورۇل ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شەھەر ئاھالىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، 1295- يىلى «نەمۇنىلىك پارلامېنت»چاقىرغان. يەنە تۈرلۈك قانۇنلارنى جاكارلاپ، پادىشاھنىڭ رۇخسىتىسىز چېركاۋنىڭ يەر ئىگىلەشكە بولمايدىغانلىقى، يەر سودىسىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى، فېئوداللارنىڭ جامائەت يەرلىرىنى قورۇقلاپ ئىگىلىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى، سودىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بەلگىلىگەن. 1297- يىلى باج تۈپەيلىدىن شەھەر ئاھالىسى، رىتسارلار ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقى قوزغىلىپ، «ئاساسىي نىزام قەيتنامىسى» نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان، پارلامېنتنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، يېڭى باج ئالماسلىققا ۋەدە قىلغان. 

ئېدۋاردⅢ

  • ئېدۋاردⅢ[يەشمىسى:] (EdwardⅢ، 1312 — 1377) ئەنگلىيە پلانتاگېنېتىس خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1327 — 1377). 15 يېشىدا تەختكە چىققان، ئانىسى ۋە ۋەزىرلىرىنىڭ تىزگىنلىشىدە بولغان. 1330- يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 1337- يىلى ئەنگلىيە-فرانسىيە 100 يىللىق ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1340- يىلى6- ئايدا سىلۇس دېڭىز ئۇرۇشىدا فرانسىيە فلوتىنى تارمار قىلىپ، ئىنگلىز بوغۇزىنى تىزگىنلىگەن. 1346- يىلى 8- ئايدا، كىرېسى جېڭىدە فرانسىيە ئارمىيىسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقۇزغان، كەينىدىنلا كالايىس پورتىنى ئىشغال قىلغان. 1356- يىلى 8- ئايدا پوئىتىئې جېڭىدە فرانسىيە ئارمىيىسىنى يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، فرانسىيە كورۇلى جون Ⅱ نى ئەسىر ئالغان. 1360- يىلى 5- ئايدا فرانسىيە بىلەن «برېتىن سۈلھ شەرتنامىسى»نى تۈزۈپ،ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ فرانسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى خوجىلىق يېرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىگەن ۋە كېڭەيتكەن. 1348- يىلى چۇما كېسەللىكى تارقىلىپ كېتىپ ئەمگەك كۈچى بەك ئازىيىپ كەتكەنلىكتىن، فېئودال خوجىدارلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، 1349- يىلى يارلىق ئېلان قىلىپ، ئەمگەك كۈچى بار تۇرۇپ تىرىكچىلىك يولى تاپالمايۋاتقانلارنى ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولغان ھەرقانداق خېرىدارغا چۇما كېسەللىكى تارقىلىشتىن ئىلگىرىكى ئىش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە ياللىنىشقا مەجبۇر قىلغان، خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالىغان. 1351- يىلى يەنە پارلامېنتقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ «ئەمگەك قانۇنى»ماقۇللاتقان، ئۇنىڭدا ياللانما پەرمانىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار قوۋۇق سېلىپ تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. 60- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىپ، باج- سېلىق ئېغىرلاشقان، تۆۋەن قاتلامدىكى خەلق تېخىمۇ نارازى بولغان، كاتولىك دىنىغا قارشى بولغان «لوللاردچىلار» ئەۋج ئالغان. 

ئېدۋاردⅧ

  • ئېدۋاردⅧ[يەشمىسى:]Edward Ⅷ، 1894 — 1972)، ئەنگلىيەكورۇلى(1936). گېئورگېⅤ (Ceorge Ⅴ، 1865 — 1936)نىڭ چوڭ ئوغلى. 1911- يىلى ۋالېس شاھزادىسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگلىيىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قىسىملىرىدا ھەربىي خىزمەت قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ساياھەت قىلغان. 1936- يىلنىڭ باشلىرىدا گېئورگې ۋاپات بولغاندىن كېيىن تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. كېيىن ئىككى قېتىم نىكاھلانغان ئامېرىكىلىق ئاددىي پۇقرا ئايال سىنىپسون خانىم بىلەن توي قىلماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەنگلىيە باۋېر مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە خان جەمەتىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، شۇ يىلى ئورنىنى ئىنىسى گېئورگې Ⅵ گە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان. كېيىن ۋىنىسا كىنەزى مەرتىۋىسى بېرىلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى فاشىستلار گېرمانىيىسىگە نىسبەتەن ئىناقلىقنى ئىپادىلىگەن، 1937- يىلى گېرمانىيىگە بېرىپ گىتلېرنى زىيارەت قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە- فرانسىيە قوماندانلىق شتابىنىڭ گېنېرال مايور دەرىجىلىك ئالاقىچىسى بولغان. 1940 — 1945- يىللىرى باھاما تاقىم ئاراللىرىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان.1945-يىلدىن كېيىن فرانسىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان.

ئېدېس

  • ئېدېس[يەشمىسى:] (Emile-Francois-Désire Eudes، 1843 — 1888)فرانسىيىنىڭ 1871- يىلدىكى پارىژ كوممۇنىسى سەركەردىسى، بلانكىزمچى، مۇخبىر. مېدىتسىنا داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، باسما خىزمەتچىسى بولغان. ئىككىنچى ئىمپېرىيە دەۋرىدە، جۇمھۇرىيەتچىلىك ھەرىكىتىگە ۋە بلانكزمچىلارنىڭ تۈرلۈك تەشكىلاتلىرىغا قاتناشقان. 1870- يىلى 14- ئاۋغۇست قوزغىلىڭىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 4- سېنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن تۈرمىدىن چىقىپ، مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ باتالىئون كوماندىرى بولغان. 1871- يىل 3- ئاينىڭ 18- كۈنى پارىژ ئىشچىلىرىنىڭ قوزغىلىڭىدا مۇھىم رول ئويناپ، كوممۇنا ھەيئەت ئەزالىقىغا ھەمدە ئىجرائىيە كومىتېت ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئەزالىقىغا سايلانغان. 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ھەربىي ئىشلار ۋەكىلى بولغان؛ 3- كۈنى ۋېرسالغا يۈرۈش قىلغاندا، بىرىنچى كالوننىنىڭ قوماندانى بولغان؛ 15- كۈنىدىن باشلاپ پارىژنىڭ قىسمەن رايونلىرىنىڭ مۇداپىئە ئىشىغا مەسئۇل بولغان. 5- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن باشلاپ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. «ماي قانلىق ھەپتىسى»جېڭىگە قاتناشقان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، شۋېتسارىيىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، سىرتتىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1880- يىلدىكى چوڭ كەچۈرۈمدىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ، بلانكىنىڭ مەركىزىي ئىنقىلابىي كومىتېتىنى قايتىدىن قۇرۇشىغا ياردەملەشكەن. 1888- يىلى ئىش تاشلىغان كۆمۈر كان ئىشچىلىرىنى ئاقلاش يۈزىسىدىن ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئاممىۋى يىغىندا نۇتۇق سۆزلەۋېتىپ ۋاپات بولغان. 

ئېدېن

  • ئېدېن[يەشمىسى:] ( Robert Anthony Eden، 1897 — 1977)، ئەنگلىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1955 — 1957). كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. ئوكىسفورد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن سىياسىي ساھەگە كىرگەن. 1923- يىلى تۆۋەن پالاتا كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. تىنچلىقپەرۋەرلىكنى تەرغىپ قىلىشى ۋە خەلقئارا ئىتتىپاقنى قەتئىي قوللىشى بىلەن داڭقى چىققان. 1934 — 1935- يىللىرى تامغا تۇتقۇچى ۋەزىر ھەمدە سەييارە ئەلچى بولغان. 1935- يىلى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1938- يىلى باش ۋەزىر چېمبېرلىننىڭ تېنچلاندۇرۇش سىياسىتىگە قارشى چىققانلىقتىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1939- يىلى قايتىدىن ئىچكى كابىنېتقا قايتىپ دومىنئون ۋەزىرى بولغان. 1940- يىلى چېرچىلل ئۇرۇش مەزگىلىدىكى بىرلەشمە كابىنېت قۇرغان ۋاقتىدا، دەسلەپ دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى(1940-يىلى)، كېيىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى(1940— 1945) بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىل ئىچىدە چېرچىللنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈشىگە ياردەملەشكەن ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇشنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن، 1951- يىلى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلغاندا يەنە بىرقېتىم تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ، تاكى 1955- يىلى چېرچىللنىڭ ئورنىغا باش ۋەزىر بولغانغا قەدەر تۇرغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىل ئىچىدە، 1956- يىلى 11- ئايدا مىسىرغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، مەغلۇپ بولغان. 1957- يىلى 1- ئايدا ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1961- يىلى گراف ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان، ئۆزىنىڭ دىپلومات دەۋردىكى تۇرمۇشى بايان قىلىنغان «ئايلىنىشنىڭ ئىپتىداسى»، «ئېدېن ئەسلىمىلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

ئېدىرلىق كېخىمىر

  • ئېدىرلىق كېخىمىر[يەشمىسى:] تەخمىنەن مىلادى 706- يىلىدىن كېيىن كېخىمىر جەنۇب ۋە شىمال دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. شىمالىي قىسمىدا تاغ كۆپ بولغاچقا، ئېدىرلىق كېخىمىر دەپ ئاتالغان، ۋەندېن، بورنىئو دەپمۇ ئاتالغان. پادىشاھى داچو دەپ ئاتالغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ تيەنباۋ يىللىرى(742 — 755) ۋە دالى يىللىرى (766 — 779) ئېدىرلىق كېخىمىرنىڭ شاھزادىسى ۋە مۇئاۋىن پادىشاھى ئارقا- ئارقىدىن جۇڭگوغا كەلگەن.Ⅸ ئەسىردە سۇ، قۇرۇقلۇق كېخىمىرى، يەنە كېخىمىر ئاڭكور سۇلالىسى بولۇپ بىرلىككە كەلگەن. 

ئېدىسون

  • ئېدىسون[يەشمىسى:] (Thomas Alva Edison، 1847 — 1931) ئامېرىكىلىق كەشپىياتچى، كارخانىچى. ئوھىئو شتاتىدىكى دېھقان ئائىلىسىدىن چىققان. 12 يېشىدا گېزىت ساتقۇچى بولغان. ئىلمىي تەجرىبىنى ياخشى كۆرگەن. 1869- يىلى نيۇ- يوركقا بېرىپ، پاي چېكى ئەھۋالىنى تېلېگرامما بىلەن مەلۇم قىلىش ئاپپاراتىنى كەشپ قىلغان. ئىككى ۋە تۆت تېلېگراممىنى بىرلا ۋاقىتتا بېرىدىغان ۋە ئالىدىغان تېلېگرامما سىستېمىسىنى ئىشلەپ چىققان، ئاپتوماتىك تېلېگرامما قوبۇللىغۇچنى كەشپ قىلغان. 1876- يىلى چوڭ تىپتىكى تەجرىبىخانا قۇرغان. 1877 — 1879- يىللىرى پاتېفوننى كەشپ قىلغان، چوغلانغۇچى لامپا ۋە تېلېفوننى ياخشىلىغان. 1882- يىلى سىغىمچانلىقى ئەڭ كۆپ بولغان دىنام كەشپ قىلىپ، ئامېرىكا بويىچە تۇنجى مەركىزىي ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرغان. 1883- يىلى ئىسسىق ئېلېكترون ئېتىلىپ چىقىش ھادىسىسى يەنى «ئېدىسون ئېففېكتى»نى بايقىغان. ئۇ ھاياتىدا 1300 خىل كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. 

ئېدىسۋول يىغىنى

  • ئېدىسۋول يىغىنى[يەشمىسى:] نورۋېگىيىدە ئاساسىي قانۇن تۈزۈلگەن يىغىن. 1814- يىل 4- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە ئېدىسۋولدا (Eidsvoll) چاقىرىلغان. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل 112 كىشى، ئۇ 47 ئەمەلدار، 37 دېھقان، 16شەھەر-بازار ۋەكىلى، 12 دېڭىز- قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەكىلىدىن تەركىب تاپقان. يىغىن مەزگىلىدە تاشقى مۇناسىۋەت مەسىلىسىدە ۋەكىللەر ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ قالغان. كۆپ سانلىقلار— مۇستەقىللىك پارتىيىسى نورۋېگىيىنى پۈتۈنلەي مۇستەقىل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئاز سانلىقلار — ئىتتىپاقچىلار پارتىيىسى مەلۇم شەرت ئاستىدا شۋېتسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. ئادلېر (Adler) بىلەن فالسېن (Falsen) ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تەييارلىغان. يىغىندا ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇندا نورۋېگىيە- پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي تۈزۈلمە ھۆكۈمرانلىقىدىكى «ئەركىن، مۇستەقىل ۋە ئايرىلماس پادىشاھلىق» دەپ جاكارلانغان. خرىستىئان فرېدېرىك (Christian Frederik) نورۋېگىيىنىڭ نائىبى قىلىپ سايلانغان. نائىب ۋە يىغىن ۋەكىللىرى ئاساسىي قانۇنغا سادىقلىق بىلدۈرۈپ قەسەم بەرگەندىن كېيىن، يىغىن تارقالغان. 

ئېرا توستېن

  • ئېرا توستېن[يەشمىسى:]Era tosthenes، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 275 — 194). قەدىمكى يۇنان جۇغراپىيونى، ئاسترونومى ۋە ماتېماتىكى. شىمالىي ئافرىقىدىكى سىرېنېدا تۇغۇلغان. ئافىنادا ئوقۇغان. پتولېمې خاندانلىقى (مىسىرنىڭ) تەكلىپى بويىچە، ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنى باشقۇرغان (تەخمىنەن مىلادىدىنئىلگىرى235). ئۇ بىلىملىك، تالانتلىق شۇنداقلا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان يازغۇچى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ياسىغان«سىركۇل» (armillae) ئىسكەندىرىيىدە ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى يوقىلىپ كەتكەن، بۈگۈنكى كۈندە بىرنەچچە پارچە قالدۇقلىرىلا قالغان. ئاساسلىقى «جۇغراپىيە» (ئۈچ توم): بىرىنچى تومى مۇقەددىمە، ئۇنىڭدا ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭ جۇغراپىيىگە ئائىت تەتقىقاتلىرى بايان قىلىنغان، يەر شارى دۈگىلەك، بىراق مىدىرلىمايدۇ دەپ ھېسابلانغان؛ئىككىنچى تومى «ماتېماتىكىلىق جۇغراپىيە» دەپ ئاتىلىپ، ئۇنىڭدا يەر شارىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى تۇنجى قېتىم ھېسابلاپ كۆرۈلۈپ (ئېكۋاتور بۇلۇڭىنى ھېسابلاشتا 32°15′91″·5 ئاساس قىلىنغان)، يەر شارى ئېكۋاتور چەمبىرىكىنىڭ ئەمەلىي ئۇزۇنلۇقىغا تولىمۇ يېقىن كېلىدىغان نەتىجىنى چىقارغان (44 مىڭ كىلومېتر)؛ ئۈچىنچى تومى«سىياسىي جۇغراپىيە»دەپ ئاتىلىپ، ئۇنىڭدا ئىلگىرىكى سايەھەتچىلەر ۋە جۇغراپىيە ئالىملىرىنىڭ ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ، «ھېراكلېس تاش تۈۋرۈكى» (جەبىلتارىق بوغۇزى) دىن تارتىپ ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنغان. «جۇغراپىيە» دە پايدىلىنىدىغان خەرىتىلەر قوشۇمچە قىلىنغان، ئۇنىڭدا شەھەرلەر، تاغ تىزمىلىرى، دەريا- كۆللەر ۋە ھاۋا رايى قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ۋە ئۇسۇلى كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى سترابون قاتارلىق قەدىمكى زامان جۇغراپىيە ئالىملىرىغا، شۇنىڭدەك كېيىنكى ياۋروپا جۇغراپىيىسىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە «دەۋرلەر ئىلمى»، «كۇياتكا كومېدىيىسى ھەققىدە» دېگەنگە ئوخشاش تارىخشۇناسلىق ۋە شېئىرىيەتكە ئائىت ئەسەرلەرنى يازغان.

ئېراسمۇ

  • ئېراسمۇ[يەشمىسى:]Desiderius Erasmus Von Rotterdam، 6351 - 5641) نىدېرلاندىيىنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى گۇمانتارىست. گوللاندىيىنىڭ روتتېردام دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا موناستىرغا كىرىپ، مەدرىس پەلسەپىسى ۋە مىسسىئونېرلىق تۇرمۇشىدىن بىزار بولغان. 9941 —5941-يىللىرى پارىژدا ئوقۇغان. ئەنگلىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيىدە تۇرغان. 1513- يىلى شۋېتسارىيىنىڭ بازېل دېگەن يېرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان؛ زامانداش گۇمانتارىستلار بىلەن بولۇپمۇ تۇماس مور (Thomas More) بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولغان. لاتىن ۋە يۇنان يېزىقىنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ «ئىنجىل» نى گرېكچىدىن لاتىنچىغا تەرجىمە قىلغان ھەمدە گرېك ئېلىپبەسىنىڭ ئوقۇلۇشىنى بېكىتىپ چىققان. مەشھۇر ئەسىرى «نادانغا مەدھىيە» (1509) ھەجۋىي ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭدا چېركاۋلارنىڭ ساختىلىقى، مىسسىئونېرلارنىڭ شاللاقلىقى ۋە دەھرىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قورقۇنچاقلىقى ئۆتكۈر سۆزلەر بىلەن مەسخىرە قىلىنغان. «ئائىلىدىكى گەپلەر» دېگەن ئەسىرىمۇ بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپانىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى تەسۋىرلەنگەن. 

ئېروس (Eros)

  • ئېروس (Eros)[يەشمىسى:] قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى كىچىك مۇھەببەت (سۆيگۈ) پەرىشتىسى. مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك مەبۈدىسى ئافرودىت بىلەن ئۇرۇش خۇداسى ئارتىمىس ياكى سودا- ساياھەت خۇداسى ھېرمېستىن تۇغۇلغان. يەنە باشقىچە ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ تۈن ئىلاھىنىڭ تۇخۇمىدىن دۇنياغا كەلگەنمىش. يۇنان ئەپسانىلىرىدە كۇپىدو (Cupido) ياكى ئامور (Amor) دەپ ئاتالغان. ئۇ، قاناتلىق، قولىغا ئوقيا (ساداق) تۇتقان يالىڭاچ چىرايلىق بالا قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ؛ ئېيتىلىشىچە ئۇنىڭ ئالتۇن ئوقى تەگسە كۈچلۈك مۇھەببەت، قوغۇشۇن ئوقى تەگسە نەپرەت پەيدا بولىدىكەن. ئۆتمۈشتە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىناتتى، ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىدىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. 

ئېرۇسالىم پادىشاھلىقى

  • ئېرۇسالىم پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] ئەھلىسەلىپ پەلەستىن ۋە سۈرىيىدە قۇرغان فېئودال پادىشاھلىق (1921-9901). بىرىنچى ئەۋلاد پادىشاھى فرانسىيىدىكى تۆۋەنكى لوتارىنگىيىنىڭ گېرتسوگى گوتفرى دې بولئون (Godefroi de Boullon). پايتەختى ئېرۇسالىم. ئۇنىڭغا ئانتىئوكىيە كىنەزلىكى، ئېدېسسا بەگلىكى ۋە ترىپولى بەگلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ بېقىندى دۆلەت قاراشلىق بولغان. «ئېرۇسالىم پەرمانلىرى توپلىمى» نى ئېلان قىلىپ، غەربىي ياۋروپادىكى فېئوداللىق تۈزۈمنى شەرققە كۆچۈرۈپ كەلگەن. پادىشاھلىقنىڭ زېمىنى بىرنەچچە سۇيۇرغاللىققا بۆلۈپ بېرىلگەن، سۇيۇرغالغا ئىگە بولغان ئەھلىسەلىپ رىتسارلىرى مۇددەتسىز ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. بويسۇندۇرۇلغان رايونلاردىكى دېھقانلار يانچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. پادىشاھ ھاكىمىيىتى ئاجىزلىشىپ، فېئوداللىق تەپرىقىچىلىك ۋەزىيەت ئېغىرلاشقان، دېھقانلار قوزغىلىڭى ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ، دۆلەت زاۋالغا يۈز تۇتقان. 1144- يىلى مۇسۇلدىكى ئىسلام دىنى ھۆكۈمرانلىرى ئېدېسسانى ئىشغال قىلىپ، ئىككىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، لېكىن مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان. 1187- يىلى سالاھىدىن ئېرۇسالىمنى قايتۇرۇۋالغان. غەربىي ياۋروپا فېئوداللىرى يەنە ئۈچىنچى قېتىم ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىنى تەشكىللەپ، ئېرۇسالىمنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نەتىجە چىقىرالمىغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا پادىشاھلىقنىڭ قېپقالغان زېمىنلىرى مىسىر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. 1291- يىلى سىياسىي مەركىزى ئاكرې (Acre) شەھىرى مىسىر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، پادىشاھلىق مۇنقەرز بولغان. 

ئېرۇسالىم پەرمانلىرى توپلىمى

  • ئېرۇسالىم پەرمانلىرى توپلىمى[يەشمىسى:] ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېرۇسالىم پادىشاھلىقىدا تۈزۈلگەن پەرمانلار توپلىمى بولۇپ، ئۇنىڭدا فېئوداللار بىلەن ئۇنىڭ بېقىندىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت قاتارلىق ئۆزئارا مۇناسىۋەت تەپسىلىي بەلگىلەنگەن. پادىشاھنىڭ ھوقۇق كۈچى چوڭ فېئوداللار كېڭىشىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان. ئېنگېلس غەربىي ياۋروپانىڭ فېئودال ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمى ئۈلگە قىلىنغان بۇ «ئاساسىي قانۇن» نى — فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ «ئەڭ تىپىك ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى» دەپ ھېسابلىغان.

ئېرۇسالىم (قۇددۇس شىرىپ)

  • ئېرۇسالىم (قۇددۇس شىرىپ)[يەشمىسى:]Jerusalem) ئېيتىشلارغا قارىغاندا «تىنچلىق شەھىرى» دېگەن مەنىدە. پەلەستىننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قەدىمىي شەھەر، يەھۇدىي پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى. خرىستىئان، ئىسلام دىنى ۋە يەھۇدىي دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىردە بىنا قىلىنىشقا باشلىغان. پادىشاھ داۋىد بۇ شەھەرنى پايتەخت قىلغان ھەمدە قۇرغان، ئوردا ۋە ئىبادەتخانا قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى سالدۇرغان. پادىشاھ سولومون ھەشىمەتلىك ئوردا ۋە يەھۋا ئىبادەتخانىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى داۋاملىق سالدۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەر يەھۇدىيلارنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي مەركىزىگە ئايلانغان. مىلادىدىن 586 يىل ئىلگىرى يېڭى بابىلون پادىشاھى ناۋۇخودونوسور ئىشغال قىلىۋالغان. كۆپلىگەن ئاھالىسى مەجبۇرىي ھالدا بابىلونغا كۆچۈرۈلگەن. ئۇلار، تارىختا «بابىلون تۇتقۇنلىرى» دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن 535 يىل ئىلگىرى پېرسىيە پادىشاھى كىروس بابىلوننى ئىشغال قىلىپ، يەھۇدىي «تۇتقۇنلىرى» نى قويۇپ بېرىپ ئېرۇسالىمغا قايتىپ كېتىشىگە يول قويغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردە رىم زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. مىلادى Ⅰ ئەسىردىن Ⅱ ئەسىرگىچە كۆپ قېتىم رىم ھۆكۈمرانلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان. كېيىن قايتىدىن ياسالغان. Ⅶ ئەسىردە ئەرەبلەر، Ⅺ ئەسىردە سالجۇق تۈركلىرى ئىگىلىۋالغان. ئەھلىسەلىپ قوشۇنى شەرققە يۈرۈش قىلغاندا بۇ جايدا لاتىن پادىشاھلىقىنى قۇرغان. كېيىن ئۇزۇن ۋاقىت ئەرەبلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرغان. ئېرۇسالىم كونا ۋە يېڭى دەپ ئىككى شەھەرگە بۆلۈنىدۇ، كونا شەھىرىدە قەدىمىي يادىكارلىقلار كۆپ. زىئون قەلئەسى، ھەيۋەتلىك يۇمىلاق تاش تۈۋرۈكلۈك خانىقا ۋە خرىستىئان دىنى ئۆلىمالىرىنىڭ قەبرىلىرى، چېركاۋ قاتارلىقلار بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا قىددىس ئەيسا بۇ جايدا كرېستقا مىخلاپ ئۆلتۈرۈلگەنمىش؛ ئىسلام دىنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ جايدا ئاللانىڭ دەرگاھىغا (مىراجغا) چىققانمىش. 1949- يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن، ئىسرائىلىيە يېڭى شەھەرنى ئىگىلىگەن، ئېئوردانىيە كونا شەھەرنى ئىگىلىگەن. 1967- يىلدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق ئەرەب- ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدا، ئىسرائىلىيە پۈتۈن ئېرۇسالىمنى بېسىۋالغان.

ئېرېنبۇرگ

  • ئېرېنبۇرگ[يەشمىسى:]Илъя Григорьевич Эренбург، 7691 - 1981) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق يازغۇچى. كيېۋدىكى يەھۇدىي ئىنژېنېر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. موسكۋا بىرىنچى ئالىي مەكتىپىدە ئوقۇغان، ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن چىقىرىۋېتىلگەن. 1908- يىلى پارىژغا قېچىپ بارغان. 1910- يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ياندۇرقى يىلى «مەن تېخى ھايات» دېگەن تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنى چىقارغان. پارىژدا تۇرغان مەزگىلدە دېكادېنىتلارنىڭ بەدىئىي تەسىرىگە ئۇچرىغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، روسىيە «پاي چېكى ئەھۋالى ئاخباراتى»، «روسىيە سەھىرى» گېزىتىنىڭ فرانسىيە ۋە گېرمانىيە ئۇرۇش سېپىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بولغان. 1917- يىلى 7- ئايدا روسىيىگە قايتقان. سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئاقلار پارتىيىسىنى قوللايدىغان گېزىت ئۈچۈن ئىشلىگەن. 20 — 30- يىللاردا، «ئىزۋتىسىيە» گېزىتىنىڭ ئالاھىدە مۇخبىرى بولۇپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ فرانسىيە، بېلگىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيىلەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 1937- يىلىدىن كېيىن پارىژدا سوۋېت ئىتتىپاقى گېزىت- ژۇرناللىرىغا ماقالە يېزىپ تۇرغان. 1940- يىلى فرانسىيە مۇنقەرز بولغاندا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتقان. ئالدىنقى مەزگىللەردىكى ئەسەرلىرىدە سوۋېت ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن گۇمان بىلەن قاراش خاھىشى ئەكس ئەتكەن. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە، «ھەقىقەت» گېزىتى، «قىزىل يۇلتۇز» گېزىتىنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى مۇخبىرى بولۇپ، 3000 پارچىغا يېقىن ماقالە يازغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرمۇنچە سىياسىي مۇھاكىمە ماقالىلىرىدە گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرى پاش قىلىنغان، خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى مەدھىيىلەنگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن ئۈچىنچى نۆۋەتلىكتىن يەتتىنچى نۆۋەتلىككىچە بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان. 1950- يىلىدىن تارتىپ سوۋېت ئىتتىپاقى تىنچلىقنى قوغداش كومىتېتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1953- يىلىدىن تارتىپ سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1958- يىلىدىن تارتىپ دۇنيا تىنچلىق مۇدىرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1949- يىلى جۇڭگونى زىيارەت قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى «ئاداققىچە»، «ئىككىنچى كۈنى»، «پارىژنىڭ قولدىن كېتىشى»، «بوران»، «دېڭىز دولقۇنى» ۋە «ئىنسانىيەت گۆھىرىنى قوغدايلى» قاتارلىقلار. 1954- يىلى «ئېرىتىش» دېگەن پوۋېستنى ئېلان قىلغان، «ئېرىتىش ئەدەبىياتى» مۇشۇ ئەسەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 

ئېرېنتال

  • ئېرېنتال[يەشمىسى:]A.Lexa Von Aehrenthal، 2191 - 4581) ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (2191 - 6091). 1895 - 1898- يىللىرى بۇخارېستتا تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 6091 - 9981- يىللىرى پېتېربۇرگدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە، بالقانغا قارىتىلغان تاجاۋۇزچىلىق- كېڭەيمىچىلىكنى پائال پىلانلىغان. بوسىنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنانى يۇتۇۋېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. مىلىتارىستلارنى سېربىيىگە «ئاۋۋال قول سېلىش ئۇرۇشى» قوزغاشقا قۇترىتىپ، 1908- يىلى بوسىنىيە كرىزىسىنى پەيدا قىلىپ، ئاۋسترىيە- روسىيە مۇناسىۋىتىنى يامانلاشتۇرغان. 1911- يىلدىكى ئىتالىيە- تۈركىيە ئۇرۇشىدا، دىپلوماتىيە جەھەتتىكى مەغلۇبىيىتى تۈپەيلىدىن، 1912- يىلى خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان. 

ئېرفۇرت پروگراممىسى

  • ئېرفۇرت پروگراممىسى[يەشمىسى:] «سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ 1891- يىلدىكى پروگراممىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1891- يىل 10- ئايدا، گېرمانىيىدىكى ئېرفۇرت (Erfurt) تا چاقىرىلغان قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. پروگراممىدا ئىشچىلار سىنىپىنىڭ كاپىتالىستىك ئېكسپىلاتاتسىيىگە قارشى كۈرىشى بىر خىل ئىقتىسادىي كۈرەشلا بولۇپ قالماستىن، ئەينى ۋاقىتتا بىر خىل سىياسىي كۈرەش ئىكەنلىكى، ئىشچىلار سىنىپى ھاكىمىيەتنى تارتىۋالماي تۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى يولغا قويالمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ھەمدە بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كونكرېت قەدەم- باسقۇچلىرى بەلگىلەنگەن. ئۇ گەرچە لاسسالچىلىقنىڭ ئىدىيىۋى تەسىرىنى تازىلىغان، «گوتا پروگراممىسى» غا قارىغاندا بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا يەنىلا ئېغىر ھالدىكى ئاغمىچىلىق خاتالىقى مەۋجۇت بولغان. مەسىلەن: ئۇنىڭدا پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنىڭ زۆرۈرلۈكى تىلغا ئېلىنمىغان، پادىشاھلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش ۋە دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇش تەلەپلىرى قويۇلمىغان، «سوتسىيالىزمغا تىنچ ئۈسۈپ كىرىش» سەپسەتىسى تارقىتىلغان ۋە باشقىلار. ئېنگېلس ئۆز ماقالىسىدە ئۇنى تەنقىد قىلغان. 

ئېرفۇرت ئىتتىپاقى شەرتنامىسى

  • ئېرفۇرت ئىتتىپاقى شەرتنامىسى[يەشمىسى:] 1808- يىل 10- ئاينىڭ 12- كۈنى روسىيە كورۇلى ئالېكساندر Ⅰ بىلەن فرانسىيە پادىشاھى ناپولېئون Ⅰ ئېرفۇرتتا كۆرۈشكەندە ئىمزالىغان ئىتتىپاق شەرتنامىسى. مۇددىتى ئون يىل. ئۇنىڭدا تىلسىت شەرتنامىسىدىكى روسىيە- فرانسىيە ئىتتىپاقى (1807) تەكىتلەنگەن، فرانسىيە روسىيىنىڭ فىنلاندىيە، مولدوۋا ۋە ۋالاخىيىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى، ئاۋسترىيە روسىيىگە ھۇجۇم قىلغاندا روسىيىگە ھەربىي ياردەم بېرىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن. ئىككى دۆلەت كورۇلى ئەنگلىيىگە سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاش تەكلىپىنى بېرىش، ئەگەر ئۇ رەت قىلىنسا مەسلىھەتلىشىپ ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىشقا ماقۇل بولغان. بۇ شەرتنامە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتەلمىگەن. 

ئېرىدۇ خارابىسى

  • ئېرىدۇ خارابىسى[يەشمىسى:] ئىراقتىكى قەدىمىي شەھەر خارابىسى. ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇرنىڭ غەربىي جەنۇبىدا تەخمىنەن 20 كىلومېتر يىراقلىقتىكى ئېرىدۇ (Eridu، ھازىرقى ئابۇ شەھرائىن Abu Shahrain) دا. بىرنەچچە قېتىملىق قېزىش ئارقىسىدا، تارىختىن ئىلگىرىكى مەزگىللەردىكى ئېرىدۇ دەۋرىدىن دەسلەپكى خاندانلىق دەۋرىگىچە بولغان خارابىيلەر تېپىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي قىسمى ئۇر ئۈچىنچى خاندانلىقنىڭ مۇنارە ئىبادەتخانىسى ۋە مۇقەددەس رايون ئۆي- ئىمارەتلىرى خارابىسىدىن ئىبارەت، شۇنىڭدەك سۇمېردىن ئىلگىرىكى مۇقەددەس خانىقالار خارابىسىمۇ بار. جەمئىي 17 مەدەنىيەت قاتلىمى، 14 مۇقەددەس خانىقا بار. 5 - 1- قاتلىمى ئۇرۇك دەۋرى، 7 - 6- قاتلىمى ئۇبايىدنىڭ ئاخىرقى دەۋرى، 11 - 8- قاتلىمى ئۇبايىدنىڭ دەسلەپكى دەۋرى، 41 - 21- قاتلىمىدا بايقىغىلى بولغۇدەك ئىزلار يوق، 15 — 17- قاتلىمى ئۇبايىد دەۋرىدىن بۇرۇنقىلار (ئېرىدۇ دەۋرى). خانىقانىڭ لايىھىلىنىشى تۆت بۇرجەك شەكلىدە بولۇپ، قاتمۇقات قىلىپ ياسالغان. غەربىي شىمالدا 200 دىن ئارتۇق قەدىمىي قەبرە قېزىلغان، قوشۇپ كۆمۈلگەن نەرسىلەر ئاساسەن ساپال قاچىلار، شۇنىڭدەك تۈگمىگە ئوخشاش زىننەت بۇيۇملىرى ۋە ساپالدىن ئىشلەنگەن كىچىك ھەيكەللەرمۇ بار. «ئېرىدۇ ئوبېد مەدەنىيىتى» گە قاراڭ.

ئېرىدۇ ئوبېد مەدەنىيىتى

  • ئېرىدۇ ئوبېد مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] «ئېل ئوبېد مەدەنىيىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مېسوپوتامىيە ۋادىسىدا، برۇنزا تاش قوراللار تەڭ ئىشلىتىلگەن دەۋردىكى مەدەنىيەت. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېفرات دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى (ھازىرقى ئىراقتا) ئېرىدۇ (Eridu) بىلەن تىل ئېل ئوبېد (Tell el obeid) دىن تېپىلغان خارابە. ئۇنىڭ مەۋجۇت بولغان دەۋرى تەخمىنەت مىلادىدىن 0053 - 0034 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. ئاھالىلىرى بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرگەن، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىققا ئۆتكەن. تاش قوراللار ئىچىدە پالتا شەكلىدىكى تاش، چىش چىقىرىلغان تاش ئورغاق ۋە تاشتىن ياسالغان ئوقيا ئۇچى قاتارلىقلار بار. لېكىن يەنە مىس قوراللارمۇ مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان. ساپال قاچىلار قولدا ياسالغان، رەڭگى ئاددىي بولۇپ، ساددا گېئومېترىك شەكىللەر چۈشۈرۈلگەن. لاتقا ياكى قومۇشتىن ئۆي سېلىنغان، ئەڭ دەسلەپكى مۇنارە ئىبادەتخانا ياسالغان. ئېرىدۇدا قېزىلىپ چىققان ساپالدىن ئىشلەنگەن ئەرنىڭ ھەيكىلىدە ئوڭ قولىغا لاي كۇمىلىچى تۇتقۇزۇلغان، بۇ ئاتىنىڭ ئائىلە باشلىقلىقى ئورنىنى بىلدۈرسە كېرەك. لېكىن تېپىلغان بىرمۇنچە ئاياللارنىڭ ئويما ھەيكەللىرىدىن قارىغاندا، يەنىلا ماترىئارخالىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلانغان. ئېرىدۇ ئوبېد مەدەنىيىتىنى سۇمېرلار ياراتقان دېگەن قاراش بار، ئۇلار ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتى پارچىلىنىشقا قاراپ ماڭغان دەۋردە تۇرغان. «ئېرىدۇ خارابىسى» غا قاراڭ. 

ئېرىنېس

  • ئېرىنېس[يەشمىسى:]Erinyes مەبۇدىلەر) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئۈچ قىساس خۇداسى. رىۋايەت قىلىنىشىچە ئاسمان خۇداسى ئۇرانۇسنىڭ قېنىدىن تۆرەلگەنىكەن (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە تۈن خۇداسىدىن تۇغۇلغانىكەن)، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى تىسىفون (Tisiphone)، ئالېكتو (Alekto) ۋە مېگائېرا (Megaera). ئۇلار زېمىننىڭ قەھرىدە (Tartarus) ياشاپ، كىشىلىك دۇنيادىكى بارلىق گۇناھلارنى جازالاشقا مەسئۇل ئىكەن. بولۇپمۇ قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرگەن قانلىق دېلولارنى سۈرۈشتۈرىدىكەن. قىياپىتى سۈرلۈك، ئادەتتە دۈمبىسىدە قاناتلىرى بار، بېلىگە زەھەرلىك يىلان يۆگەلگەن، قولىغا ئوتقاش تۇتقان. ئاغزىدىن قان پۈركۈپ تۇرغان قىلىپ تەسۋىرلىنىدىكەن. يۇنانلىقلار ئۇلاردىن ئەيمىنىدىكەن. ئېيتىلىشىچە ئورېستېس (ئاگامېننوننىڭ ئوغلى) ئانىسى كليتايىمىنېسترانى ئۆلتۈرگەندە ئۇلار چىقىپ «ئانىلىق ھوقۇقى» نى قوغداپ، قان قەرزىنى تۆلەتمەكچى بولغاندا بەختكە يارىشا ئافىنانىڭ ھامىيلىق قىلىشى بىلەن ئوررېستېس گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىنغانىكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇلار يەنە ئۇمېنىدېس (Eumenides، خۇدالار) دەپ نام ئالغانىكەن، ئۇنىڭ مەنىسى «ئاق كۆڭۈللۈك خۇداسى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. باشقىچە رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، «ئاق كۆڭۈللۈك خۇداسى» يۇنانلىقلارنىڭ «قىساس خۇداسى» غا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن قويغان نامى ئىمىش، رىم ئەپسانىلىرىدە ئۇلار فۇرىئائې (Furiae، خۇدالار) ياكى دىراي (Dirae، خۇدالار) يەنى غەزەپ، قىساس خۇدالىرى دەپ ئاتالغان.

ئېرىك ساياھىتى

  • ئېرىك ساياھىتى[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئەسىردە شۋېتسىيە كورۇلى تەختكە ئولتۇرغان مەزگىلىدە پۇقرالارنىڭ ئېھتىرامنى قوبۇل قىلىدىغان ئەنئەنىۋى ساياھەت. كورۇل ئۇپپلاند (Uppland) ئۆلكىسىدىكى مورا (Mora) ئوتلىقىدا سايلانغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنى ئارىلاپ چىققان، ھەربىر ئۆلكىنىڭ چېگرىسىدىن ئۆتكەندە كاتتا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، ئاخىرىدا كورۇل ئۇپپلاند ئۆلكىسىگە قايتىپ كېلىپ، ئۇپپسالادا (Uppsala) تاج كىيگۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئېرىك Ⅸ (Eric Ⅸ، ؟ 0611 -) بىرىنچى بولۇپ ئايلىنىپ چىققانلىقى ئۈچۈن شۇنداق نام قويۇلغان. كېيىن ھەر قېتىمقى كورۇل شۇنداق ئايلىنىپ چىققان. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئايلانغىنى كارل Ⅸ (Karl Ⅸ، 1161 - 0551) بولۇپ، ئۇ 1609- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن. 

ئېرىكⅩⅣ

  • ئېرىكⅩⅣ[يەشمىسى:]Eric ⅩⅣ، 7751 - 3351)، شۋېتسىيە كورۇلى (8651 - 0651). گۇستاۋ ۋاسانىڭ ئوغلى. ياۋروپا مەدەنىيىتى ھەققىدە بىلىدىغانلىرى تولىمۇ كۆپ. تەختتە تۇرغان دەسلەپكى مەزگىللەردە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى كۈچەيتىش يولىدا كۈچ چىقارغان. كېيىن ئانا باشقا ئىنىسى جون (يەنى كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى جون Ⅲ) بىلەن توقۇنۇش پەيدا بولۇپ، 1563- يىلى جوننى نەزەربەند قىلغان. پولشا بىلەن دانىيىگە قارشى ئۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان. بۇ ھال رەسمىي ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان (1563 - 1570)، كېيىن دانىيە بىلەن «سېتىسىن سۈلھ شەرتنامىسى» نى تۈزگەن. شۋېتسىيە غايەت زور تۆلەم تۆلىگەن. مەملىكەت ئىچىدە، ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بولغان زىددىيەت كەسكىنلەشكەن، 1567- يىلى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ نىلس ستۇرې (Nils Sture) قاتارلىق ئاقسۆڭەكلەرنى ئۆلتۈرگەن. كېيىن ئىنىسى جون ۋە چارلېس (Charles) تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان ھەمدە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. 

ئېرىك يىلنامىسى

  • ئېرىك يىلنامىسى[يەشمىسى:] شۋېتسىيىنىڭ ئەڭ قەدىمكى يىلنامىسى، تەخمىنەن 3231 - 2231- يىللىرى شەكىللەنگەن. ئۇنىڭدا 9131 - 9221- يىللىرى شۋېتسىيىدە بولغان تارىخىي ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەن. ئۇ شۋېتسىيە قەھرىمانى ئېرىك ماگنۇسسوننىڭ (Eric Magnusson) نامى بىلەن ئاتالغان، ئۇنىڭدا ئاساسەن ئېرىك بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسى بىرگېر (Birger) ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بايان قىلىنغان. بۇ يىلنامە يەنە مەلۇم ئەدەبىي قىممەتكە ئىگە. 

ئېزوپ

  • ئېزوپ[يەشمىسى:]Aisopos ياكى Aesopus ياكى Aesop، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىر)، ئەنئەنىۋى قاراشتا «ئېزوپ مەسەللىرى» نىڭ ئاپتورى دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى ھەققىدە ئىشەنچلىك ماتېرىيال يوق. قەدىمكى زامان يازغۇچىلىرى (ئالايلۇق، ھېرودوت) نىڭ خاتىرىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەسلىدە يۇناننىڭ ساموس ئارىلى (Samos، ئېگېي دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمى) دا قۇل بولۇپ، زېرەك بولغانلىقتىن خوجايىنى ئادمون (Iadmon) تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەنىكەن. لىدىيىگە بېرىپ كورۇل كروئىس بىلەن كۆرۈشۈپ مۇقەددەس جاي دېلپى (Delphi) نى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، ئۆلتۈرۈلگەنىكەن. ئېزوپ ئاممىباب ۋە ئىخچام بولغان بەزى ئۇششاق ھېكايىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇ ھېكايىلەر ئاددىي، لېكىن مەنىسى چوڭقۇر بولغانلىقتىن، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىگە بولغان؛ ئاغزاكى ئەدەبىيات شەكلى بىلەن، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىپ بارغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 300 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئەتراپىدا ئالېكساندرىيىدە (مىسىر) ئالىم دېمېترىئو (Demetrios، ئافىنالىق) تۇنجى قېتىم نەسىرلەر توپلىمى (200 نەچچە ھېكايىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى رەتلەپ چىققان.Ⅱ—Ⅰ ئەسىرلەرگە كەلگەندە يەنە نەزمىي ئەسەر نۇسخىسى (يۇنان ۋە لاتىن يېزىقلىرىدا) مەيدانغا كەلگەن. كېيىن شەرق (ھىندىستان، ئەرەب قاتارلىقلار) نىڭ بەزى ھېكايىلىرىمۇ بارا- بارا ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن. ⅩⅣ ئەسىردە، موناخ پىلانۇدېس (Maximus Planudes) تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ توپلىغان. ⅩⅤ ئەسىردىن كېيىن ئارقا- ئارقىدىن ئىنگلىز، نېمىس قاتارلىق كۆپ خىل يېزىقتا تەرجىمە قىلىنغان. دېمەك، ھازىر تارقىلىپ يۈرگەن «ئېزوپ مەسەللىرى»، (300 نەچچە پارچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئېزوپ ئاساس سالغان ھەم ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. كۆپ تەرەپتىن ماتېرىيال ئېلىنغان شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ پىششىقلاپ ئىشلىشى ئارقىلىق پۈتۈپ چىققان بىرخىل مەسەللەر توپلىمى ھېسابلىنىدۇ. 

ئېزىنخاۋېر

  • ئېزىنخاۋېر[يەشمىسى:]Dwight David Eisenhower، 9691 - 0981)، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (0691 - 3591). بەش يۇلتۇزلۇق گېنېرال، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى. تېكساس شتاتىدىكى دېنسسوندا تۇغۇلغان، ۋىست پوئىنت ھەربىي مەكتىپىنى، قوماندانلار مەكتىپىنى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى، شىمالىي ئافرىقا ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ ئالىي قوماندانى بولغان. شىمالىي ئافرىقىدىكى قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇشى(1942-يىلى 11-ئايدا) سىتسىلىيە جېڭى(1943يىلى 7ئايدا)، ئىتالىيە جېڭى (1943يىلى9-ئايدا) شۇنىڭدەك نورماندىيە جېڭى (1944- يىلى 6- ئايدا) قاتارلىقلارغا قوماندانلىق قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئالىي قوماندانى بولغان. 1952- يىلى ھەربىي كەسپىنى تاشلاپ زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىدە غەلىبە قىلغان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلىدە «چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان، لېكىن «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈپ، «كوممۇنىزمنى چەكلەش» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا جەنۇبىي چاۋشيەن، جياڭ جيېشى گۇرۇھى بىلەن «ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسى» ئىمزالىغان. 1954- يىلى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەھدى تەشكىلاتىنى قۇرغان. ئوتتۇرا شەرقنى تىزگىنلەش پىلانىنى يەنى «ئېزىنخاۋېرىزم» نى ئوتتۇرىغا قويغان، 1958- يىلى ئەسكەر چىقىرىپ لېۋانغا تاجاۋۇز قىلغان. مەملىكەت ئىچىدە جۇش ئۇرۇپ قانات يېيىۋاتقان خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خەلق ھوقۇقى قانۇنىي لايىھىسىنى تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭ «ياۋروپا قۇرۇقلۇقىغا يۈرۈش قىلىش» ناملىق ئەسىرى بار. 

ئېزىنخاۋېرىزم

  • ئېزىنخاۋېرىزم[يەشمىسى:] داللېس- ئېزىنخاۋېرىزم داپمۇئاتىلىدۇ.1957-يىل 1- ئاينىڭ 5- كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئېزىنخاۋېرنىڭ پارلامېنتقا سۇنغان ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى توغرىسىدىكى پەۋقۇلئاددە دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تاجاۋۇزچىلىق پروگراممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ، ئەسلىدىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا ئامالسىز قېلىپ، بەزى رايونلاردىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغاچقا، «سىياسىي بوشلۇق رايونلار» بارلىققا كەلگەن. دوكلات ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى «بوشلۇق رايونلار» نى تولۇقلايدىغان پىلانىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: پارلامېنت زۇڭتۇڭغا ئوتتۇرا شەرقتە «ھەربىي ياردەم ۋە ھەمكارلىق پىلانى» نى يولغا قويۇش ھەمدە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئامېرىكا قوراللىق قىسىملىرىنى ئىشلىتىپ، «كوممۇنىزم تاجاۋۇزچىلىقى» غا تاقابىل تۇرۇشىغا ھوقۇق بېرىش دېگەنلەردىن ئىبارەت. ئامېرىكا بۇ پىلاندىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا شەرقنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تىزگىنلەشكە ئۇرۇنغان. كېيىنچە ئېزىنخاۋېرىزم ئوتتۇرا شەرقتىن سىرتقى رايونلارغىمۇ تەتبىقلانغان. 

ئېسابېلⅡ

  • ئېسابېلⅡ[يەشمىسى:]IsabelⅡ، 4091 - 0381) ئىسپانىيە كورۇلىۋاسى (8681 - 3381). فرناندۇ Ⅶ نىڭ چوڭ قىزى. 1833- يىلى دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن تەختتە ئولتۇرغان. يېشى كىچىك بولغانلىقتىن، ئانىسى مارىيە كرىستىنا ۋە ئېسپارتېرو نائىبلىق قىلغان. 1843- يىلى نارۋائېس ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، ئېسپارتېرونى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، ياش- قۇرامىغا يەتكەنلىكىنى جاكارلىغان. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە، ئوردىدا سۇيىقەست ۋە ھەربىي، سىياسىي ئۆزگىرىش ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرغان. 25 يىلدا (1843 - 1868) جەمئىي 34 قېتىم ھۆكۈمەت ئالماشقان. 1868- يىلى ئىسپانىيىدە ئىنقىلاب بولغاندىن كېيىن، دۆلىتىدىن ئايرىلغان. 1870- يىلى پارىژدا پادىشاھلىق تەختىنى چوڭ ئوغلى ئالفونسو Ⅶ گە بوشىتىپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

ئېسپار تېرو

  • ئېسپار تېرو[يەشمىسى:]Baldomero Espartero، 9781 - 3971) ئىسپانىيە ھەربىي ئىشلار ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئەربابى، گېنېرالى. 1808- يىلدىن باشلاپ فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1815 — 1823- يىللىرى جەنۇبىي ئامېرىكىدا ئىسپانىيىگە تەۋە مۇستەملىكىلەردىكى قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرغان. بىرىنچى قېتىملىق كارلوس ئۇرۇشى (9381 - 3381) دا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، كارلوسچىلارغا قارشى تۇرغان. «تەرەققىيپەرۋەر پارتىيە» نىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى بولغان، 1840- يىلى 9- ئايدا ئىنقىلاب دولقۇنىنىڭ قوللىشى بىلەن، باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەن.1841-يىلى 5- ئايدا پارلامېنت تەرىپىدىن پادىشاھلىقنىڭ نائىبلىقىغا سايلانغان (كورۇلىۋا ئېسابېلⅡ تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن). ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، چېركاۋنىڭ خوجىلىق يەرلىرىنى يىغىۋالغان ۋە دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزگەن، ئۆشرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، شۇنىڭ بىلەن مۇتەئەسسىپلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1843- يىلى 7- ئايدا نارۋائېز رەھبەرلىك قىلغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. كېيىن ئەنگلىيىدە بىرنەچچە يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، 1848- يىلىدىكى چوڭ كەچۈرۈمدىن كېيىن ئىسپانىيىگە قايتقان. 6581 - 4581- يىللىرى ئىنقىلاب داۋامىدا ھۆكۈمەت باشلىقلىقىغا سايلانغان، كېيىن خىزمەتتىن چېكىنگەن. 

ئېس- ئېس () خەتلىك بايراق

  • ئېس- ئېس () خەتلىك بايراق[يەشمىسى:]  گېرمانىيە ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ پارتىيە بايرىقى.1920-يىلى گىتلېر لايىھىلىگەن بايراق. تۆت چاسا، تېگى قىزىل، ئۈستىدە ئاق دۈگىلەك بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا قارا رەڭلىك«» بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن. گىتلېر «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دە: «قىزىل رەڭ بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتىنىڭ سىمۋولى، ئاق رەڭ مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ سىمۋولى، قارا رەڭلىك  بەلگىسى ئارىيانلارنىڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى كۈرىشىنىڭ سىمۋولى» دېگەن. 

ئېسىلزادىلەر يىغىنى

  • ئېسىلزادىلەر يىغىنى[يەشمىسى:] فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى كورۇل تەرىپىدىن چاقىرىلىدىغان ئالاھىدە مەسلىھەت يىغىنى. چارلېس Ⅴ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى باشلانغان. بۇ يىغىن ئادەتتە دۆلەت قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا ئېچىلغان، بۇنىڭغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى كورۇل راھىبلار، ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئۈچىنچى تەبىقىدىكىلەر ئىچىدىن تاللىۋالغان. 1787- يىل 2- ئاينىڭ 22-كۈنى،لۇئىⅩⅥ ئېغىر مالىيە كرىزىسىغا دۇچ كەلگەندە مالىيە باش نازارەتچىسى كالون (Charles Alexandere de Calonne، 2081 - 4371) نىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ۋېرسالدا ئېسىلزادىلەر يىغىنىنى ئاچقان. يىغىنغا جەمئىي 144 نەپەر ۋەكىل قاتناشقان. كالون مالىيە ئىسلاھاتى لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭدا: ئالۋان- ياساقنى بىكار قىلىش، ئۆلكە پارلامېنتى تەسىس قىلىش، ئىمتىيازلىقلارمۇ ئاۋام خەلققە ئوخشاش باج تاپشۇرۇش، ئاشلىق ئەركىن سودىسىنى يولغا قويۇش، مەملىكەت ئىچىدىكى چېگرا باجنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بىرلىككە كەلگەن يەر بېجى ئېلىشنى يولغا قويۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ لايىھە ئىمتىيازلىقلار بىلەن پارىژ ئالىي سوتىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 4- ئايدا كالون خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. 5- ئاينىڭ 25- كۈنى ئېسىلزادىلەر يىغىنى يېپىلغان. كېيىن لۇئى ⅩⅥ يېڭىدىن تەيىنلىگەن مالىيە باش نازارەتچىسى نىكنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىشنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان، ھەمدە1788-يىل 10- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە يەنە بىر قېتىم ئېسىلزادىلەر يىغىنى چاقىرىلىپ، 1789- يىلى ئېچىلىدىغان ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ۋەكىللەر سانى ۋە سايلاش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن بۇ يىغىن ئېچىلمىغان. 

ئېشېر

  • ئېشېر[يەشمىسى:]Alfred Eschear، 2881 - 9181). شۋېتسارىيە مىللىي پارلامېنتنىڭ باشلىقى (0581 - 9481). سىيۇرىختىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1848- يىلى سىيۇرىخ شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان. ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە پىششىق بولۇپ، تۆمۈريول ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 8781 - 1781- يىللىرى گوتا تۆمۈريول شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان. خۇسۇسىيلار كارخانىلىرىنىڭ تۆمۈريول قۇرۇشىنى قوللىغان، ستامپفلى ئوتتۇرىغا قويغان مەملىكەت بويىچە تۆمۈريوللارنى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سېتىۋېلىش پىلانىغا قارشى تۇرغان. كېيىن گوتا تۆمۈريول لىنىيىسى خام چوتىنى بەك تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويۇپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق پەيدا قىلىپ قويغانلىقتىن، مۇدىرىيەت رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئاخىرى فېدېراتىپ دۆلەت ئېشىپ كەتكەن خىراجەتنىڭ بىر قىسمىغا مەسئۇل بولغانلىقتىن، گوتا تۆمۈريولىدا 1882- يىلى پويىز قاتنىغان، ئۇنىڭ تونىلى شۇ چاغدا دۇنيا بويىچە ھەممىدىن ئۇزۇن بولغان. 

ئېفىكرات

  • ئېفىكرات[يەشمىسى:]Iphikrates ياكى Iphicrates، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 353-514)، قەدىمكى ئافىنا قوماندانى. مىلادىدىن 393 يىل ئىلگىرى ئافىنا قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ ۋە تاكتىكىنى ئىسلاھ قىلىپ، لەشكەرلىرىنى يېنىك دۇبۇلغا- ساۋۇت، قالقان، ئۇزۇن نەيزىلەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئىككىنچى يىلى سپارتانىڭ ئېغىر قوراللار بىلەن قوراللانغان پىيادە ئەسكەرلىرىنى كورىنتوستا يېڭىپ، نامى چىققان. مىلادىدىن 388 يىل ئىلگىرى، كىچىك ئاسىيانىڭ ئانتاندرۇس(Antandrus، ھىللېسپونتنىڭ جەنۇبىدا) دېگەن يېرىدە يەنە سپارتا قوماندانى ئاناكسىبېئوس(Anaxibius) نى يەڭگەن ۋە ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئارقىدىنلا فراكىيىگە بېرىپ پادىشاھ كوتىس (Cotys) بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ھەمدە ئۇنىڭ قىزىنى نىكاھىغا ئالغان. مىلادىدىن 377 يىل ئىلگىرى بۇيرۇققا بىنائەن پارنا بازۇس (Pharnabazus، پېرسىيە باش ۋالىيسى) نىڭ مىسىرغا ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بېرىپ مەغلۇپ بولغان. مىلادىدىن 173 - 373 يىل ئىلگىرى كوركىرا ئارىلى (ئىئونىيە دېڭىزىدا) نى قوغدىغان؛ مىلادىدىن 367 يىل ئىلگىرى يەنە ئامپىپولىس (Amphipolis، ئېگېي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا) غا ھۇجۇم قىلغان. ئۇ ھەم پاراسەتلىك، ھەم جاسارەتلىك بولۇپ، ئافىنانىڭ پېلوپوننېس ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مەشھۇر سەركەردىسى ھېسابلانغان. 

ئېفىئوپىيە- ئىتالىيە ئۇرۇشى

  • ئېفىئوپىيە- ئىتالىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ئىتالىيىنىڭ ئېفىئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلغان مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشى. جەمئىي ئۈچ قېتىم بولغان: (1) 1887-يىلىدىكى ئۇرۇش. 1869- يىلى ئىتالىيە رۇپادىنو كېمىسازلىق شىركىتى قىزىل دېڭىز ياقىسىدىكى ئاسساب (Assab) پورتىنى سېتىۋېلىپ، كۆمۈر قاچىلاش پونكىتى قۇرغان. 1882- يىلى ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ئاسسابنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۇنى مۇستەملىكە جاي دەپ جاكارلىغان، 1885- يىلى يەنە ماسساۋانى بېسىۋالغان ھەمدە داۋاملىق تۈردە پىلە قۇرتىدەك ئىچكى جايلارغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن. 1887- يىلى ئېفىئوپىيە- ئىتالىيە ئىككى تەرەپ دوگولى (Dogoli) دا قاتتىق جەڭ قىلغان، ئىت-ا لىيە قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەن؛ (2) 6981 - 5981- يىللاردىكى ئۇرۇش. ئېفىئوپىيە (ھەبەشىستان) ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.1890-يىلى ئىتالىيە «ۋۇچالى شەرتنامىسى» ماجىراسىنى پەيدا قىلىپ، يەنە بىر قېتىم ئەسكەر چىقارغان. 1894- يىلى تىگرې ئۆلكىسىنىڭ نۇرغۇن رايونىنى ئىشغال قىلىۋالغان. ياندۇرقى يىلى 3- ئايدىكى ئادوۋا (Aduwa) جېڭىدە، ئىتالىيە مەغلۇپ بولۇپ، نائىلاج سۈلھ شەرتنامە تۈزۈپ، ئېفىئوپىيىنىڭ تامامەن مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە تۆلەم تۆلىگەن؛ (3) 1491 - 5391- يىللىرىدىكى ئۇرۇش. ئېفىئوپىيە ۋەتەن ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1935- يىل10-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىتالىيە فاشىست ئارمىيىسى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ ئېفىئوپىيىگە بېسىپ كىرگەن.1936-يىلى 5- ئايدا پايتەخت ئەددىس- ئەبېبەنى ئىشغال قىلىۋالغان ھەمدە ئېفىئوپىيە، ئېرترىيە ۋە ئىتالىيىگە قارام سۇمالىنى ئىتالىيىگە قارام شەرقىي ئافرىقا قىلىۋالغان. ئېفىئوپىيە خەلقى پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئىتالىيە ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسىگە زەربە بەرگەن. 1941- يىلىنىڭ باشلىرىدا سېلاسسىيېⅠ سۇدان ئارقىلىق ۋەتىنىگە قايتىپ، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 5- ئايدا ئېفىئوپىيە- ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى پايتەختنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئىتالىيىگە قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 

ئېففېل مۇنارى

  • ئېففېل مۇنارى[يەشمىسى:] پارىژ شەھىرىدىكى ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش، مارس مەيدانىدا بولۇپ، 1889- يىلى فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنياۋى كۆرگەزمىگە بېغىشلاپ ياسالغان. مەشھۇر ئارخېتىكتور ئېففېل (Alexander Gustave Eiffel،1832 — 1923) لايىھىلەپ ياسىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. قۇرۇلمىسى ئەپچىل، ھۈنىرى ئېسىل، ئېگىزلىكى 300 مېتر بولۇپ، شۇ چاغدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش ئىدى، ئۇ ھازىرمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا. 

ئېفىئوپىيە ئىمپېرىيىسى

  • ئېفىئوپىيە ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:] ئېفىئوپىيىدىكى Ⅺ ئەسىردىن ⅩⅩ ئەسىرگىچە ئۆتكەن فېئوداللىق دۆلەت. Ⅺ ئەسىردە ئۆزىنى مۇسانىڭ ئەۋلادى دەۋالغان زاگۋې (Zagwe) قۇرغان. ئۇلار خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ⅩⅢ ئەسىردە لىبرانى پايتەخت قىلغان. 1270- يىلى زاگۋې خاندانلىقى بەگ يېكۇنوئاملاك(Yekuno Amlak، تەخمىنەن 5821 - 0321) تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان، ئاملاك ئۆزىنى پادىشاھ سولومون (Solomon) بىلەن ئايال پادىشاھ سېبا (Sheba) نىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتاپ، سولومون خاندانلىقىنى قۇرغان. شۇئادىكى ئانموكىبېرنى پايتەخت قىلغان. شۇ چاغدا فېئوداللىق مۇناسىۋەت دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن. يەر راھىبلار، فېئوداللارنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن، دېھقانلار ئېغىر ئىجارە- سېلىق ۋە ھاشارنى زىممىسىگە ئالغان، لېكىن قۇللۇق تۈزۈمنىڭ قالدۇقلىرىمۇ كۆپلەپ ساقلانغان. سىرتقا قارىتا مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلىپ تۇرغان ھەمدە زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. ⅩⅥ ئەسىردە ئوسمان ئىمپېرىيىسى بىرلەشتۈرگەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان، لېكىن ياۋروپادىكى خرىستىئان دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ياردىمىگە ئىگە بولالمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبتىكى كۆچمەن مىللەت بولغان گاللالارنىڭ (Galla) شىمالغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئىمپېرىيە ئارقىمۇئارقا دەپسەندە قىلىنغان. كورۇل فاسىلاداس (Fasiladas) تەختتە تۇرغان مەزگىلگە (7661 - 3361) كەلگەندە پايتەختىنى گاندار (Gandar) غا يۆتكەپ، بىر مەھەل قايتا گۈللەنگەن.ⅩⅨ-ⅩⅧ ئەسىرلەردە بەگلىكلەرنىڭ تەپرىقىچىلىكى، راھىبلارنىڭ ئەدەپ كېتىشى ئارقىسىدا، كورۇل قورچاققا ئايلىنىپ قالغان، ئەنگلىيە، فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى شۇنىڭ بىلەن كاۋاك تېپىپ كىرگەن. ئىچكى تالاش- تارتىش ۋە مىللىي خەۋپ- خەتەر ئالدىدا، تېئودورې Ⅱ ئىمپېرىيىنى يېڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1930- يىلى سېلاسسېⅠ تەختكە چىققان. 1935- يىلى ئىتالىيە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، ئۇنىڭغا پائال قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1974- يىلى سېلاسسې ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىمپېرىيە ھالاك بولغان.

ئېفىيالتېس

  • ئېفىيالتېس[يەشمىسى:]Ephialtes، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 500 — 461) قەدىمكى ئافىنا سىياسەتچىسى. دېموكراتلارغا تەۋە بولۇپ، پۇقرالار ئارىسىدا ئابرويغا ئىگە، تەخمىنەن مىلادىدىن 468 يىل ئىلگىرى كىمونغا ئەگىشىپ پېرسىيىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئېئۇرىمېدون (Eurymedon، كىچىك ئاسىيادا) دەرياسى جېڭىگە قاتناشقان. ئارقىدىنلا پېرىكلېس بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنىڭ كاتتىبېشى كىمون (كېيىن سۈرگۈن قىلىنغان) غا ئاكتىپ قارشى تۇرغان. مىلادىدىن 462 يىل ئىلگىرى (ياكى مىلادىدىن 461 يىل ئىلگىرى) ھاكىمىيەت باشقۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق، ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشىنىڭ ئىمتىيازىنى (گراژدانلار يىغىنىنىڭ قارارىنى رەت قىلىش، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى خادىملارنى نازارەت قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق) زور كۈچ بىلەن چەكلەپ، شۇ ئارقىلىق گراژدانلار يىغىنى، 500 كىشىلىك يىغىن ۋە زاسىداتېللار قاتناشقان سوتنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشىنىڭ پەقەت ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇش قاتارلىق دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە دىنىي مۇراسىملارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىلا ساقلاپ قالغان. بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرى پېرىكلېسنىڭ ئافىنا سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاساس سالغان. ئېيتىلىشىچە ئېفىيالىتىس «خەلق ئاۋانگارتى» دەپ نام ئالغان. كېيىن سىياسىي دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. 

ئېكباتانا

  • ئېكباتانا[يەشمىسى:]Ecbatana) ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىدىكى قەدىمىي شەھەر، مېدىيە پادىشاھلىقى (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرگىچە) نىڭ پايتەختى. مېسوپوتامىيە ۋادىسى بىلەن ئىران ئېگىزلىكى ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىشلىرىدىكى مۇقەررەر ئۆتەڭ (ھازىرقى ئىراننىڭ ھەمەدان شەھىرىدە) ئىدى، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا پادىشاھ دېئوكېس بەرپا قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شەھەر ئەتراپىغا يەتتە قات سېپىل سېلىنغان، سىرتتىن ئىچكىرىگە قاراپ بىرىدىن بىر ئېگىز قىلىپ سېلىنغان ھەمدە ھەر خىل رەڭ بېرىلگەن. مىلادىدىن 550 يىل ئىلگىرى پېرسىيە پادىشاھى كىرۇس تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان (مېدىيە پادىشاھلىقى ھالاك بولغان) ھەمدە ئاخېمېندې خاندانلىقىنىڭ پايتەختى قىلىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىردىن كېيىن ئارقا- ئارقىدىن ماكىدونىيە، سېلېئوكوس، ئارساك، ساسانىيلار پېرسىيىسى، ئەرەب قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېقىندى بولغان. 

ئېكزوگامىيە

  • ئېكزوگامىيە[يەشمىسى:] «ئۇرۇقىنىڭ سىرتىدىن نىكاھلىنىش» قا قارالسۇن. 

ئېككارىئۇس

  • ئېككارىئۇس[يەشمىسى:]Johann Georg Eccarius، 9881 - 8181)، گېرمانىيە ۋە خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەربابى. ماشىنىچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئەسلى ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، 1846- يىلى لوندوندا كوممۇنىزمچىلار ئاخبارات كومىتېتىغا قاتناشقان. 1847- يىلى كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 1850- يىلى ئىتتىپاق پارچىلانغاندىن كېيىن، ماركس، ئېنگېلس باشچىلىقىدىكى مەركىزىي كومىتېت كۆپچىلىكنى ھىمايە قىلىپ، ۋىللىخ- شاپپېر مەزھىپىگە قارشى تۇرغان. 1864- يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنى بەرپا قىلىشقا قاتناشقان. 1781 - 7681- يىللىرى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال باش كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 60- يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ماركسىزمدىن يۈز ئۆرۈپ، ئەنگلىيە ئىشچىلار بىرلەشمىچىلىكىنىڭ باشلىقى بولۇپ قالغان. 

ئېكلۇس دېڭىزى ئۇرۇشى

  • ئېكلۇس دېڭىزى ئۇرۇشى[يەشمىسى:] يەنى «سلۇئىس دېڭىز ئۇرۇشى». 

ئېكسپىلاتاتسىيە

  • ئېكسپىلاتاتسىيە[يەشمىسى:] شەخس ياكى گۇرۇھلارنىڭ قولىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە تايىنىپ، باشقىلارنىڭ ياكى باشقا گۇرۇھلارنىڭ ئەمگىكىنى ھەقسىز ئىگىلىۋېلىش ھەرىكىتى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتىدىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئەمگەك ئىش تەقسىماتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدا، ئادەمنىڭ ئەمگىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئېھتىياجىدىن كۆپ ئېشىپ چۈشىدىغان مەھسۇلاتلارنى، يەنى قوشۇمچە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرالايدىغان بولغاچقا، ئېكسپىلاتاتسىيە مۇمكىنچىلىككە ئايلانغان. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ كېلىپ چىقىشى، كەمبەغەللەر بىلەن بايلارنىڭ ئايرىلىشىنىڭ جىددىيلىشىشى ۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرىنىڭ قۇلغا ئايلاندۇرۇلۇشى ئارقىسىدا، ئېكسپىلاتاتسىيە رېئاللىققا ئايلانغان. تارىختا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئاساسەن ئۈچ خىل ئېكسپىلاتاتسىيە تۈزۈمى، يەنى قۇللۇق تۈزۈم، فېئوداللىق تۈزۈم ۋە كاپىتالىستىك تۈزۈم مەيدانغا كەلگەن. قۇللۇق تۈزۈم شارائىتىدا، قۇلدارلار قۇللارنى جىسمانىي جەھەتتىن ئىگىلىۋالغانلىقتىن، قۇللارنىڭ بارلىق ئەمگىكى ھەقسىز ئەمگەك بولۇپ ئىپادىلەنگەن. فېئوداللىق تۈزۈمدە، دېھقانلار ياكى يانچىلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغان زۆرۈر ئەمگىكى ۋە پومېشچىك ئۈچۈن قىلغان ئوشۇق ئەمگىكى ماكان ۋە زامان جەھەتتە ھامان ئايرىم- ئايرىم بولغان. كاپىتالىزم تۈزۈمى شارائىتىدا، ئىشچىلارنىڭ زۆرۈر ئەمگىكى بىلەن ئوشۇق ئەمگىكىنىڭ پەرقى ئىش ھەققى شەكلى بىلەن يېپىپ قويۇلغان. ئەمەلىيەتتە كاپىتالىست ئىشچىغا ئەمگەك كۈچىنىڭ باھاسى (ئىش ھەققى) نىلا بەرگەن، ئىشچىنىڭ ئوشۇق ئەمگىكىنى بولسا كاپىتالىست قوشۇمچە قىممەت شەكلىدە ھەقسىز ئىگىلىۋالغان. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئېكسپىلاتاتسىيە ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىرىش ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. كاپىتالىزم — ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئېكسپىلاتاتسىيە تۈزۈمى. پرولېتارىياتنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسى ئاخىرقى ھېسابتا ئېكسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىنى يوقىتىپ، سىنىپ ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە بولمىغان كوممۇنىزم جەمئىيىتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت. 

ئېكىنس

  • ئېكىنس[يەشمىسى:]Thomas Eakins، 6191 — 4481) ئامېرىلىق رەسسام. فىلادېلفىيىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا پېنسىلۋانىيە گۈزەل سەنئەت مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1866- يىلى پارىژغا بېرىپ ئوقۇپ، ئادەم تېنى قۇرۇلمىسى ۋە ھەرىكەت ھالىتى ئۈستىدە رېئال نەرسىنى سىزىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. 1869- يىلى ئىسپانىيىگە بېرىپ، ⅩⅦ ئەسىردىكى ئىسپانىيە رەسساملىرى ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. 1870- يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ بارغان، كېيىن جېففېرسون تىببىي ئىنستىتۇتىدا ئاناتومىيە ئوقۇغان. 1873- يىلىدىن باشلاپ پېنسىلۋانىيە گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىدا كۆپ يىل پروفېسسور بولغان. دەسلىپىدە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەيدىغان تۇرمۇش سىزمىلىرىنى سىزغان. ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىن كېيىن، كۆپىنچە ئادەم سۈرىتىنى سىزغان ھەمدە دېڭىز- ئوكيان مەنزىرىلىرى تەسۋىرىي رەسىملىرىنى ئىشلىگەن. رەسسامچىلىق ئۇسلۇبى پۇختا ۋە ئىنچىكە بولۇپ، ناتۇرالىزم خاھىشىغا ئىگە بولغان. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «گروسنىڭ خىرورگىيە كلىنىكىسى ھەققىدىكى لېكسىيىلىرى»، «ۋان. بلان خېنىم سۈرىتى» قاتارلىقلار بار. بۇلاردىن باشقا ھەيكەل ئەسەرلىرىمۇ بار. 

ئېگېي مەدەنىيىتى

  • ئېگېي مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىن مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارغىچە ئېگېي دېڭىزى رايونىغا تارقالغان برونزا دەۋرى مەدەنىيىتى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 08 - 07- يىللىرىدا گېرمانىيە ئارخېئولوگى سىليېمان «گومېر داستانى» قاتارلىقلاردىكى رىۋايەتلەرنىڭ ئىلھامى بىلەن، كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەدىمىي شەھەر ترويا ۋە جەنۇبىي گرېتسىيە (پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى) دىكى مىسېنې، تىرىنىس قاتارلىق خارابىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قېزىپ، ئۇزاقتىن بۇيان كۆمۈلۈپ كەلگەن ئېگېي مەدەنىيىتىنى دۇنياغا قايتا ئايان قىلغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە ئارخېئولوگى ئېۋانىس كرىت ئارىلىدىكى قەدىمىي شەھەر نوسۇسنى قېزىپ، مىنوس خان ئوردىسى قاتارلىق مۇھىم خارابىلەرنى تېپىپ، بۇ مەدەنىيەتنىڭ مەزمۇنىنى كۆپلەپ تولۇقلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن باشقا ئارخېئولوگلارمۇ داۋاملىق قېزىپ، ئېگېي دېڭىزىدىكى ئاراللارغىچە كېڭەيتكەن ]«سىكلادى» (Cycladic) مەدەنىيىتى دەپ ئاتالغان[. ئېگېي مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كرىت بىلەن مىسېنېدە بولغانلىقى ئۈچۈن، «كرىت- مىكناي مەدەنىيىتى» دەپمۇ ئاتالغان. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئاخىرلىرىدا كرىت ئارىلى مېتال ۋە تاش قوراللار تەڭ ئىشلىتىلىدىغان دەۋردە تۇرغان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ باشلىرىدا برونزا دەۋرىگە كىرگەن، ئېروگلىف مەيدانغا كەلگەن (تېخى يېشىلمىدى) ھەمدە خېلى زور كۆلەمدىكى ئىمارەتلەر بولغان؛ تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅥ - ⅩⅦ ئەسىرلەردە ۋەيران بولغان (ياكى يەر تەۋرەش سەۋەبى بىلەن). مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كرىت برونزا دەۋرى تازا روناق تاپقان دەۋرىگە كىرگەن. نوسوس ۋە فائېستودا خېلى ھەيۋەتلىك ئوردا شەكلىدىكى ئىمارەتلەر، تۈرلۈك نەپىس ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە سىزىقچە خەت «A» (تېخى يېشىلمىدى) بارلىققا كەلگەن؛ بۇ ھال شۇ چاغدىكى جەمئىيەتنىڭ سىنىپىي جەمئىيەت بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئاھالىسىنىڭ تولىسى غەربىي ئاسىيادىن كەلگەن دېگەن قاراش بار. تەخمىنەن مىلادىدىن 1400 يىل ئىلگىرى ۋولقان پارتلاش ئارقىسىدا ۋەيران بولغان بولۇشى مۇمكىن. مىكناي مەدەنىيىتى ]ئادەتتە «ھېلادى» (Helladic) مەدەنىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ[ نى مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياكاياللار بەرپا قىلغان. ئۇ شۇ دەۋردىكى كرىت مەدەنىيىتىنىڭ سەۋىيىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، بىراق ئۇسلۇب جەھەتتە قوپالراق بولغان. پەيلۇس (مېسسېنىيىنىڭ غەربىي قىرغىقى) قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇنلىغان سىزىقچە خەت «B» (1952- يىلى ۋېنترىس ئۇنى يېشىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى) سېغىز بېتى تېپىلغان. بۇ مىكناي جەمئىيىتىدە قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سىزىقچە يېزىق «B» كرىئو ئارىلىدىنمۇ تېپىلغان، بۇ ھال ئۇنىڭ مىكناي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ زىچلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؛ ئومۇمەن ھېسابلىنىشىچە، بۇ چاغدىكى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅤ ئەسىردىكى) كرىت مىكناينىڭ ئىدارە قىلىشى ئاستىدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. تەخمىنەن مىلادىدىنئىلگىرىكىⅪ-Ⅻ ئەسىرلەردە، دورىئانلار (دوريېسلار) نىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشىغا ئەگىشىپ، مىكناي مەدەنىيىتى نابۇت بولغان. ئېگېي دۇنياسى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى مەدەنىيەتنىڭ مەنبەسى بولغان، ئۇ شەرقتىكى قەدىمىي دۆلەتلەر بىلەن، بولۇپمۇ مىسىر يېڭى پادىشاھلىقى بىلەن قويۇق ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى قىلىپ تۇرغان. سىزىقچە يېزىق «B» ئۈستىدىكى تەتقىقاتتىن ئېگېي مەدەنىيىتى (ئاساسەن مىكناي) كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى يىراق قەدىمىي يۇنان تارىخىغا روشەن تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. 

ئېگبېرت

  • ئېگبېرت[يەشمىسى:]Egbert ياكى Ecgberht، تەخمىنەن 938 - 577) ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەنگلىيە غەربىي ساكىس كورۇلى (938 - 208). كېنت پادىشاھلىقىنىڭ شاھزادىسى. ئۇنىڭ جەمەتى غەربىي ساكىستا تەختىنى ئۇزاق ۋاقىت تىزگىنلىۋالغان. مىلادى 789- يىلى غەربىي ساكىس كورۇلى تەرىپىدىن ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا سۈرگۈن قىلىنىپ، چارلېس ئېمپېراتور ئوردىسىدا 13 يىل تۇرغان. 802- يىلى ئەنگلىيىگە قايتىپ، غەربىي ساكىستا تەختكە چىققان. 815- يىلى كورىنۋالل (Cornwall) نى تارتىۋالغان ۋە ئىشغال قىلىۋالغان. 825- يىلى خۇمبېر دەرياسىنىڭ جەنۇبىنى سوراۋاتقان مېرىسىينى يەڭگەن؛ كېنت، شەرقىي ساكىس، جەنۇبىي ساكىس قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. 829- يىلى مېرىسىينى بويسۇندۇرغان، نورتۇمبرىيىنى ئەل بولۇشقا مەجبۇر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن يەتتە دۆلەت دەۋرىگە خاتىمە بېرىپ، بىرلىككە كەلگەن ئەنگلىيە كورۇللۇقىنى قۇرغان. 838- يىلى دانىيىلىكلەرنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. كورۇل ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، خرىستىئان دىنىنى قوغداش سىياسىتىنى قوللانغان. 

ئېلام

  • ئېلام[يەشمىسى:]Elam) غەربىي ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت. زاگروس تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. پېرسىيە قولتۇقىنىڭ يېنىدا. ھازىرقى ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە توغرا كېلىدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلاملار مۇشۇ جايدا ئاۋان، ئانىشان، سىماش ۋە سۇسا دېگەنگە ئوخشاش كىچىك بەگلىكلەرنى قۇرغان؛ كېيىن بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن، سۇسانى پايتەخت قىلغان. ئېلامنىڭ غەربىي مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى سۇمېر، ئاققاد، بابىلون دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇق بولغان ھەمدە دائىم بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅪ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئامورىلار بىلەن بىرلىشىپ ئۇر ئۈچىنچى سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاخىرقى كورۇل ئىبى- سىن ( Sin —Ibi، مىلادىدىن 2591 - 6791 يىل ئىلگىرى تەختتە تۇرغان) نى ئەپقېچىپ كەتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅻ - ⅩⅢ ئەسىرلەردە يەنە كۆپ قېتىم ئۇرۇش قوزغاپ، بابىلونىيىنىڭ شىمالىي قىسمى (ئېسىنونا، سىپار، بابىلون ۋە نىپور قاتارلىق شەھەرلەر)، ئاسسۇرىيىنىڭ جەنۇبى ۋە زاگروس تېغىنىڭ شەرقىدىكى كەڭ رايوننى ئىشغال قىلىپ، تازا روناق تاپقان. كېيىن ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تىزگىنلىشى بىلەن زاۋاللىققا قاراپ يۈزلەنگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅶ ئەسىردە ئاسسۇرىيىدىكى پانىبا تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، سۇسا شەھىرى تالان- تاراج قىلىنغان. مىلادىدىن 550 يىل ئىلگىرى، ئاخىر پېرسىيىگە بويسۇنۇپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر مەمۇرىي ئۆلكىسى بولغان. ئېلامنىڭ مەدەنىيىتى بولۇپمۇ مىخ يېزىقى مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان، ئۇ ئىران ئېگىزلىكى بىلەن غەربىي ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. يېقىنقى زامان ئارخېئولوگلىرى سۇسا قەدىمىي شەھىرىنى قېزىپ («سۇسانىڭ بىرىنچى قەۋىتى» ۋە «سۇسانىڭ ئىككىنچى قەۋىتى»)، نۇرغۇنلىغان ئاسارئەتىقىلەرنى تېپىپ، قەدىمكى ئېلامنىڭ تارىخى ۋە ئۇنىڭ غەربىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مۇھىم ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى.

ئېلامىلار

  • ئېلامىلار[يەشمىسى:]Elamites) ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قەدىمكى ئاھالە. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سېم تىلى ياكى ھىندى- ياۋروپا تىلى سىستېمىسىغا كىرمەيدۇ، شەرقىي بەلۇجىستاندىكى قەدىمكى ئاھالە بىلەن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن. مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرى ھازىرقى كاركخې دەرياسى بىلەن كارون دەرياسى ۋادىسى (ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسى) غا تارقالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى دەۋرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سىنىپىي جەمئىيەت ۋە دۆلەت شەكىللىنىشكە باشلىغان. مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى سۇمېرلار، ئاققادلار ۋە بابىلونلار بىلەن قويۇق كەلدى- باردى قىلىپ تۇرغان ھەمدە پات- پات ئۇرۇش قىلىپ تۇرغان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى دەۋرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، دۆلىتى روناق تېپىپ، زېمىنى پېرسىيە قولتۇقى ئەتراپىدىكى كەڭ رايونغىچە يەتكەن، سۇسانى پايتەخت قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىردە ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىردە پېرسىيە ئىمپېرىيىسى تەۋەسىگە قوشۇلغان. ئېلاملارنىڭ مەدەنىيىتى مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئۇنىڭ يېزىقىنىڭ بىر قىسمى يېقىنقى يىللاردا يېشىلدى، لېكىن ئۇنىڭ قايسى تىل سىستېمىسىغا كىرىدىغانلىقىنى بېكىتكىلى بولمايۋاتىدۇ. 

ئېل پاردو ئەھدىنامىسى

  • ئېل پاردو ئەھدىنامىسى[يەشمىسى:] 1885- يىلى ئىسپانىيىدىكىپارتىيە-گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدىنامە. ئىسپانىيەت كورۇلى ئالفونسا Ⅻ 1885يىل11-ئاينىڭ 25- كۈنى ئۆلۈپ كەتكەن، خانىكە مارىيە كرىستىنا ئېغىرئاياغ بولۇپ قالغان. سۇلالىنى ساقلاپ قېلىش ۋە توپىلاڭنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ يولباشچىلىرى، ۋەزىرلەر، گېنېراللار ۋە خان جەمەتى ئېل پاردو (El.Pardo) سارىيىدا ئەھدىنامە تۈزگەن. ئۇنىڭدا: يېڭى شاھزادە دۇنياغا كەلگىچە، ھەرقايسى پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ «مۇقەددەس ئۇرۇش توختىتىش» نى جاكارلاپ، بىر- بىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنى توختىتىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

ئېل تاجىن مەدەنىيىتى

  • ئېل تاجىن مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] مېكسىكىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە كلاسسىك دەۋر مەدەنىيىتى. ئۇنىڭ تىپىك خارابىسى مېكسىكىدىكى ۋېراكرۇز (Veracruz) شتاتىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بابەنتىرا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن سەككىز كىلومېتر كېلىدىغان ئېل تاجىندا (Tajin. El). خارابە بىر دىنىي مەركىزىي شەھەر بولۇپ، ھەيۋەتلىك جايلاشتۇرۇلغان، كۆلىمى تەخمىنەن 12 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. مەركىزىي قىسمىدا نۇرغۇن ئىبادەتخانا، ساراي ۋە توپ مەيدانى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلار بار. ئىبادەتخانا بىناسى ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپەي شەكىللىك «ئېھرام» بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 18 مېتر كېلىدۇ، تۆت ئەتراپىدا جەمئىي 365 تەكچىسى بار، ئۇ بىر يىلنىڭ 365 كۈنىدىكى ئىلاھنىڭ سىمۋولى. «تاش تۈۋرۈك خانىقاسى» تاشتىن قوپۇرۇلغان ئېگىز سۇپىدا قاتار تىزىلغان غايەت زور تاش تۈۋرۈك بولۇپ، پۈتكۈل تاش تۈۋرۈككە چەۋەندازلارنىڭ سۈرىتى ئويۇلغان، ئۇ تاشلار خانىقانىڭ ئۆگزىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، كۆرۈنۈشى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك. مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان تاش ئويمىچىلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭغا كۆپىنچە غەلىتە ئادەم ۋە ھايۋاناتلار ئويۇلغان ھەمدە نۇرغۇن مۇرەككەپ نەقىشلەر ئىشلەنگەن، ئۇنىڭ مەنىسى ئېنىق ئەمەس ياكى دىنىي مۇراسىملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوبرازى ئىنتايىن جانلىق بولغان. يەنە بىر خىل «كۈلكە چىراي» ساپال ھەيكەل بار. 

ئېلزاس

  • ئېلزاس[يەشمىسى:]Alsace) فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى بىر رايونى. رېين دەرياسى بىلەن ۋوسگې (Vosges) تېغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا فرانك پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. كارلوس ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن، 843- يىلى ئىمزالانغان «ۋېردىن شەرتنامىسى» غا ئاساسەن ئېلزاس ئوتتۇرا پادىشاھلىققا ئايرىپ بېرىلگەن. 870- يىلى شەرقىي فرانك پادىشاھلىقى (گېرمانىيە) غا تەۋە بولغان. 30 يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇنىڭ كۆپ قىسمى فرانسىيىگە قوشۇلغان؛ كېيىن ئۇنىڭ قالغان قىسمىمۇ كەينى- كەينىدىن فرانسىيىگە قوشۇلغان. پرۇسسىيە- فرانسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، فرانسىيە 1871- يىلى ئېلزاس ۋە لوردىننىڭ شەرقىي قىسمىنى گېرمانىيىگە بۆلۈپ بەرگەن. 1919- يىلى «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى» گە ئاساسەن فرانسىيىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن. 1940- يىلى يەنە گىتلېر گېرمانىيىسى يۇتۇۋالغان. 1945- يىلى فرانسىيە يەنە بىر قېتىم ئېلزاسقا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ھازىر ئۇ يۇقىرى رېين ئۆلكىسى ۋە تۆۋەن رېين ئۆلكىسىگە ئايرىلغان. 

ئېللورا تاش ئۆڭكۈرى

  • ئېللورا تاش ئۆڭكۈرى[يەشمىسى:]Ellora) ھىندىستاندىكى مەشھۇر تاش ئۆڭكۈر. ھىندىستاننىڭ ماخاراشترا شتاتىدىكى ئائۇرانگاباد (Aurangābād) نىڭ غەربىي شىمالىغا 25 كىلومېتر كېلىدىغان جايدا. تىك تاش يارغا ئېغىزى غەربكە قاراپ تۇرغان 34 ئۆڭكۈر قېزىلغان بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى ئىككى كىلومېتردىن ئارتۇق كېلىدۇ. ھىندى دىنى، بۇددا دىنى، جاينا دىنىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تاش ئۆڭكۈرگە بۆلۈنگەن. 21-1-ئۆڭكۈر مىلادى Ⅶ - Ⅴ ئەسىرلەردە قېزىلغان بۇددا دىنى ئۆڭكۈرى؛ 92 - 31- ئۆڭكۈر Ⅷ - Ⅶ ئەسىرلەردە قېزىلغان ھىندى دىنى ئۆڭكۈرى؛ 30 — 34- ئۆڭكۈر بولسا Ⅻ -Ⅸ ئەسىرلەردە قېزىلغان جاينا دىنى ئۆڭكۈرى. تاش ئۆڭكۈردە ئاساسەن ئويما نەرسىلەر بار، ئۇنىڭ ھۈنەر- سەنئىتى ئۆزگىرىشچان بولۇپ، قەدىمكى ھىندىستان ئويمىچىلىقىنىڭ يۈكسەك سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. تام سۈرەتلىرى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن 32-، 33- ئۆڭكۈرلەردە ھۈر قىزلار تېما قىلىنغان بىرمۇنچە تام سۈرەتلىرى ساقلانغان، ئۇ شۇ زاماندىكى رەسساملىق سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

ئېلۇئارد

  • ئېلۇئارد[يەشمىسى:]Paul Eluard، 2591 - 5981) فرانسىيىلىك ئىلغار شائىر. ئەسلى ئىسمى ئېئۇگېنې گرىندېل (Eugene Grindel). بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1917- يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، دەسلەپ دېكادنېتلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، 30- يىللارنىڭ ئاخىرىدا رېئالىزمغا يۈزلەنگەن. 1936- يىلى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى پارتلىغاندا جۇمھۇرىيەتنى قوللاپ، فرانكوغا قارشى تۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، «شېئىر ۋە ھەقىقەت»، «گېرمانىيىلىك بىلەن روبىرو تۇرغاندا» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، خەلقنىڭ فاشىست گېرمانىيىسىگە قارشى تۇرۇشىغا ئىلھام بەرگەن. 1942- يىلى فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان ھەمدە مەملىكەتلىك يازغۇچىلار كومىتېتىنىڭ رەھبىرىي ئەزاسى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن تىنچلىق ھەرىكەتلىرىگە ئاتلانغان. 1951- يىلى پىكاسسو بىلەن «تىنچلىقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىزناسى» ناملىق ئەسەرلەر توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا «سىياسىي لىرىكىلار توپلىمى»، «ئەخلاقنىڭ ساۋاقلىرى» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى بار. 

ئېلېئانور روزۋېلت

  • ئېلېئانور روزۋېلت[يەشمىسى:]Anna Eleanor Roosevelt،2691-5881) ئامېرىكىلىق جەمئىيەت ئەربابى. تېئودرې روزۋېلتنىڭ جىيەن قىزى، ئاتا- ئانىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كېتىپ، بالىلىق دەۋرىدە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا خۇسۇسىيلارنىڭ تەربىيىسىدە بولغان. 1905- يىلى نەۋرە ئاكىسى فرانكلىن روزۋېلت (كېيىن زۇڭتۇڭ بولغان) بىلەن توي قىلغان. نيۇ- يورك شتاتىدىكى ئايال سايلىغۇچىلار ئىتتىپاقىدا خىزمەت قىلغان. 1924 — 1928- يىللىرى دېموكراتلار پارتىيىسى شتاتلىق كومىتېت ئاياللار بۆلۈمىدە مالىيە خىزمىتىگە مەسئۇل رەئىس بولغان. 1928- يىلى دېموكراتلار پارتىيىسى مەملىكەتلىك سايلام ھەيئىتى ئاياللار مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1932- يىلى مائارىپ، سىياسىي ئىشلار ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. روزۋېلت ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋەكىلى سۈپىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتىدا ئامېرىكا ۋەكىلى بولغان. يېزىقچىلىقنى ياخشى كۆرەتتى. «مېنىڭ بىر كۈنۈم» دېگەن مەخسۇس بەت ماقالىسىنى يېزىپ، 135 گېزىتتە بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلغان. «ئاياللار — ئائىلە ئوبدان دوست» دېگەن ھەپتىلىك سوئال- جاۋاب بېتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. ئۇنىڭ «بۇنى ئاياللار قارار قىلسۇن»، «ھىندىستان ۋە ئويغانغان شەرق»، «ئۆزۈم»، تەرجىمىھالى — «مانا بۇ مېنىڭ ھېكايەم» دېگەن ئەسەرلىرى بار. 

ئېلېزاۋىتا پېتروۋنا

  • ئېلېزاۋىتا پېتروۋنا[يەشمىسى:]Елизавет Петровна، 1709 — 1762). روسىيىنىڭ ئايال پادىشاھى(1741 — 1762). پېتر Ⅰ بىلەن يېكاتېرىنا Ⅰ نىڭ قىزى. ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىگە قاتنىشىپ، بالا كورۇل ئىۋان Ⅵ (Иван Ⅵ Антонович، 1740 — 1764) نى تەختتىن ئېلىپ تاشلاپ، ئۆزى كورۇل بولۇۋالغان. ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان نېمىس گۇرۇھىنى بىكار قىلىپ، شۇۋالۇۋ (П.И.Шувалов، 1740 - 1761) نى نائىبلىققا تەيىنلىگەن. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، زوراغالىق مەھكىمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئوردا ئالىي يىغىنى تەسىس قىلىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن؛ ئاقسۆڭەكلەر بانكىسى ئېچىپ، پومېشچىكلارنىڭ يانچىلارنى خالىغانچە ئېلىپ- سېتىشى ۋە قوغلىۋېتىشىگە يول قويۇپ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازىنى كېڭەيتكەن. شەھەر مەمۇرىيىتى ئىدارىلىرى، كان ئىشلىرى ۋە قول سانائەت ئىشخانىلىرى كومىتېتلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئىچكى چېگرا باجلىرىنى بىكار قىلىپ، تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سودا- سانائەتكە يار- يۆلەك بولغان. دېھقانلار ھەرىكىتى ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلەرنى ۋەھشىيانە باستۇرغان. سىرتقا قارىتا، پرۇسسىيىگە قارشى يەتتە يىل ئۇرۇش قىلىپ (3671 - 6571) ھەربىي جەھەتتە غەلىبە قىلغان. 

ئېلىزابېتⅠ

  • ئېلىزابېتⅠ[يەشمىسى:] (Elizabeth Ⅰ، 3061 - 3351) ئەنگلىيە تۇدۇر خانلىقىنىڭ كورۇلىۋاسى (1558 —1603). دادىسى ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅷ، ئانىسى ئاننا بولېين (Anne Boleyn). ئۇ تەختتىكى مەزگىلىدە، بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرگە تايىنىپ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن. 1559- يىلى «ئەڭ ئالىي قانۇن لايىھىسى» نى جاكارلاپ، پادىشاھ ئانگلىيكان چېركاۋلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي باشلىقى دېگەننى قايتا تەكىتلىگەن؛ 1571- يىلى پارلامېنتنى «39 ئەقىدە» نى ماقۇللاشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۇنى دۆلەت دىنى ئەقىدىسى قىلىپ، ئاخىرى ئەنگلىيە دۆلەت دىنىنى تۇرغۇزغان. سودا- سانائەت ۋە دېڭىز قاتنىشى ئىشلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، سودىگەرلەرگە سودا شىركەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇش ھوقۇقى بەرگەن. ئەنگلىيىنىڭ دېڭىز قاراقچىلىق پائالىيىتىنى قوللاپ، ئىسپانىيىنىڭ دېڭىز قاتنىشىنى پاراكەندە قىلىپ، ئۇنىڭ ئالتۇن- كۈمۈش توشۇۋاتقان كېمە- پاراخوتلىرىنىبۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇزغان ھەمدە نىدېرلاندىيە ئىنقىلابىغا ياردەم بەرگەن. شۇڭا، ئەنگلىيە بىلەن ئىسپانىيىنىڭ زىددىيىتى كەسكىنلىشىپ كەتكەن. 1588- يىلى، ئىسپانىيىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتكەن «تەڭداشسىز فلوتى»نى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئەنگلىيىنىڭ دېڭىزدىكى ئۈستۈنلۈكىنى تىكلەشكە باشلىغان، قانلىق قانۇن جاكارلاپ، يەر دائىرىلەش ھەرىكىتى سەۋەبىدىن يۇرت- ماكانىدىن ئايرىلىپ، سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن دېھقانلارغا زىيانكەشلىك قىلغان. تەختتىكى مەزگىلىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئامراق ۋەزىر ۋە يېقىن- يورۇقلىرىغا تاۋارنى مەخسۇس سېتىش ھوقۇقى بېرىپ، پۇرىتانلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارىغاچقا، بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نارازىلىقى، ۋە قارشىلىقىنى قوزغىغان. ئېلىزابېت ئۆمۈربويى توي قىلماي «قىز كورۇلىۋا» دەپ نام ئالغان. ۋاپات بولغاندىن كېيىن پادىشاھلىق تەخت شوتلاندىيە كورۇلى جامىس Ⅵ (Ⅰ گە ئۆزگەرتىلگەن) گە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، تۇدور خانلىقىنىڭ ئورنىنى سىتوئارت خاندانلىقى ئىگىلىگەن. 

ئېلىس

  • ئېلىس[يەشمىسى:]Elis) قەدىمكى يەر نامى. پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى (جەنۇبىي يۇنان) نىڭ غەربىي شىمال قىسمىدا. شىمالى ئاكاييا بىلەن، شەرقى ئاركادىيە بىلەن، غەربى ئىئونىيە دېڭىزى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. يېرى مۇنبەت، ئوتتۇرا جەنۇب قىسمىدا ئالپىس (Alpheus) دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى بولۇپ، دېھقانچىلىق قىلىشقا قولايلىق، پۈتۈن تېررىتورىيىسىنى ئۈچ رايونغا بۆلۈشكە بولىدۇ؛ شىمالىي قىسمى ئاكرورېيە (Acrorea) دەپ ئاتىلىپ، پايتەختى ئېلىس پېننىي (Peneus) دەرياسى بويىغا جايلاشقان؛ ئوتتۇرا قىسمى پىسات (Pisatis) دەپ ئاتالغان، پىزا (Pisa) شەھىرى ئۇنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. جەنۇبىي قىسمى تىرىپىلىيە (Triphilia) دەپ ئاتىلىپ، ئۇنىڭدىكى مەشھۇر ئولىمپىيە (Olympia، پىزاغا يېقىن) شەھىرى قەدىمكى يۇناندىكى ئولىمپىيە ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانى سېلىنغان جاي بولۇپ، بۇ يەردە زېۋىس ئىلاھىي ئىبادەتخانىسى بار. يۇنان بويىچە ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم زېۋىسقا ئاتالغان كاتتا دىنىي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئېلىس يۇناندىكى «مۇقەددەس جاي» لارنىڭ بىرى سانالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئېلىس ئاياللىرى سپارتا ئاياللىرىغا ئوخشاش، خېلى زور ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولغان. 

ئېلىئوت

  • ئېلىئوت[يەشمىسى:]Thomas Stearns Eliot، 5691 - 8881) ئەنگلىيە تەۋەلىكىدىكى ئامېرىكىلىق شائىر، دراماتورگ، ئەدەبىي ئوبزورچى. ئامېرىكىنىڭ مىسسۇرى شتاتىدا تۇغۇلغان. خارۋارد داشۆسى، پارىژ داشۆسى ۋە ئوكسفورد داشۆلىرىدە ئوقۇغان. 1914- يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيىدە ئولتۇراقلاشقان. 1927- يىلى ئەنگلىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. 1917 — 1919- يىللىرى «مەنپەئەتپەرەس» ژۇرنىلىدا ياردەمچى تەھرىر بولغان. 1922- يىلى پەلسەپە ۋە ئەدەبىي ئوبزور پەسىللىك ژۇرنىلى «تەنقىدنىڭ ئۆلچەملىرى» نى چىقىرىپ، ئۆزى باش تەھرىر بولغان ھەمدە «بوزدالا» قاتارلىق شېئىرلىرىنى ئېلان قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە دىققەت- ئېتىبارنى قوزغىغان. مەشھۇر دراما ئەسىرىدىن: «چوڭ چېركاۋدىكى قاتىللىق دېلوسى»، «بىر ئائىلىنىڭ جەم بولۇشى»، «كۆكتېئېل ھاراق زىياپىتى»، «پېشقەدەم سىياسىئون» قاتارلىقلار بار، بەزىلەر بۇلارنى «ھازىرقى زامان سىرلىق تىياتىرى» دەپ ئاتىغان. شېئىرىي تىياتىردا جانلىق تىلىنىڭ ئاھاڭدارلىقىغا ۋە يېڭىچە ئوخشىتىشلارغا ئەھمىيەت بەرگەن، ئەدەبىي ئوبزورچىلىقتا ئەسەرنىڭ ئېستېتىك تەسىرچانلىقى تەشەببۇس قىلىنغان. 1948- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

ئېمپېدوكل

  • ئېمپېدوكل[يەشمىسى:] (Empedocles ياكى Empedokles، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 334 - 394) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبى دېڭىز بويىدىكى چوڭ شەھەر ئاگرىگېنت (Agrigentum) تىكى داڭلىق زەردار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئاقسۆڭەكلەر ھاكىممۇتلەقلىكىگە قارشى تۇرغان، مونارخىزمنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان، مۇشۇ شەھەردىكى دېموكراتلارنىڭ باشلىقى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ قارىشىچە: ھەقىقىي پەيدا بولىدىغان ياكى يوقىلىدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق، پەقەت كائىناتنى ھاسىل قىلىدىغان ئېلېمېنتلارنىڭ قوشۇلۇشى (ھاسىل بولۇشى) ۋە پارچىلىنىشى (يوقىلىشى) لا بار. ھەرقانداق نەرسىنىڭ مەۋجۇت بولمىغان نەرسىدىن پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، مەۋجۇت نەرسىنى يوقىلىدۇ دېيىشكىمۇ ھەرگىز بولمايدۇ، «چۈنكى مەۋجۇت نەرسە مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ»، كىشىلەر ئۇنى مەيلى قەيەرگە قويسۇن، بەرىبىر ئوخشاش. كائىناتنىڭ ئاساسىي ئېلېمېنتى تۆت: ئوت، سۇ، تۇپراق، ھاۋا؛ ئۇلار «پۈتۈن كائىناتنىڭ مەنبەسى»، ئۇ ئۆزگەرمەيدۇ، يوقالمايدۇ، مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. تۆت خىل ئېلېمېنت قوشۇلغاندا ماددا ھاسىل بولىدۇ، پارچىلانغاندا ماددا يوقىلىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇلۇشى ياكى پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچ ئىككى، يەنى مۇھەببەت ۋە نەپرەت؛ ئۇلار ھاسىل قىلىدىغان قوشۇلۇش ياكى جەلپ قىلىش (مۇھەببەت)، پارچىلىنىش ياكى چەتكە قېقىش (نەپرەت) مۇ مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ. ئۇنىڭ قىياس قىلىشىچە، ئالەم دەسلەپ تۈرلۈك ئېلېمېنتلارنىڭ تۇتۇق بىر گەۋدىسى بولغان؛ زېمىن بىلەن دېڭىزنى ئايرىغىلى بولمىغان. بۇ «يۇمىلاق شارچە جىسىم» بولۇپ، «مۇھەببەت» ھۆكۈمرانلىقى ئۇنى مۇۋازىنەتكە كەلتۈرگەن؛ كېيىن «نەپرەت» پەيدا بولۇپ، بۆلۈنۈش ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسمان گۈمبىزى، پىلانېتلار، جانلىقلار ۋە باشقىلارنى ھاسىل قىلغان. ئۇنىڭ ماتېرىيالىزمى سىرلىق بولغان «ماددا ھايات نەزەرىيىسى» نىڭ تەركىبلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، گويا ھەننىۋا نەرسە «جانلىق» دەك، ئۆسۈملۈك، ھايۋانات ۋە ئادەمنىڭ ھەممىسىدە روھ باردەك كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭدىمۇ «روھ تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ» دەيدىغان ئىدىيە بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە قارشى بىر ۋەقەگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، سۈرگۈن قىلىنغان، كېيىن پېلوپوننېسا (جەنۇبىي يۇنان) دا ئۆلگەن. يەنە بىر ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ سېھىرگەرلىكنى بىلىدىكەن ھەم ئۆزىنى ئەۋلىيا دەۋالغانىكەن، ئاخىرى ئائېتنا (Aetna، ستسىلىيىنىڭ شەرقىدە) يانار تېغىنىڭ ئاغزىغا تەلۋىلەرچە سەكرەپ كىرىپ ئۆلگەنىكەن (بۇ گەپكە ئىشەنگىلى بولمايدۇ). ئۇ ئەينى ۋاقىتتا تېۋىپ، ستىلىستىكاشۇناس ۋە شائىر بولۇپ، «تەبىئەت توغرىسىدا»، «پاكلىق توغرىسىدا» نى شېئىر شەكلىدە يازغان، ھازىر ئۇنىڭ پارچىلىرىلا ساقلىنىپ قالغان. 

ئېممانۇئېلⅠ

  • ئېممانۇئېلⅠ[يەشمىسى:] (Vittorio Emmanuele Ⅰ، 1759 - 1824) ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ كورۇلى (1802 - 1821). 6971 - 3971- يىللىرى ساردىنىيە قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ فرانسىيە ئىنقىلابىغا قارشى تۇرغان، ناپولېئون تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇزاققىچە ساردىنىيە ئارىلىدا تۇرغان. 1802- يىلى ئاكىسى ئىممانۇئېل (Carlo Emmanuele، 1751 — 1819) نىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان. 1814- يىلى ناپولېئون ئىمپېرىيىسى بەربات بولغاندىن كېيىن، تورىنغا قايتىپ بارغان. ياندۇرقى يىلى ۋېنا يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن ئەسلىدىكى ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە گېنۇيە قاتارلىق جايلار قوشۇپ بېرىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە 1798- يىلىدىن ئىلگىرىكى ئەمر- پەرمانلار ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئوردا ۋە كورۇلنىڭ فېئوداللىق ھوقۇقىنى قوغداپ قالماقچى بولغان. 1821- يىلى 3- ئايدا پىيېمونتتا بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتلاپ، ھۆكۈمەت پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئورنىنى ئىنىسى فېلىكىس (Carlo Felix، 1381 - 5671) كە ئۆتۈنۈپ بەرگەن ھەمدە ئالبېرتنى نائىب قىلغان. 

ئېممانۇئېلⅠ

  • ئېممانۇئېلⅠ[يەشمىسى:] «ئېممانۇئېل Ⅰ، 爱麦虞限一世» گە قاراڭ. 

ئېممانۇئېلⅡ

  • ئېممانۇئېلⅡ[يەشمىسى:] «ئېممانۇئېل Ⅱ، 爱麦虞限二世» گە قاراڭ. 

ئېممانۇئېلⅢ

  • ئېممانۇئېلⅢ[يەشمىسى:] «ئېممانۇئېل Ⅲ، 爱麦虞限三世» گە قاراڭ.

ئېممانۇئېلⅢ

  • ئېممانۇئېلⅢ[يەشمىسى:] (Vittorio EmmanueleⅢ، 1869 —1947). ئىتالىيە كورۇلى (1900 — 1946). ئېبتو Ⅰ نىڭ ئوغلى. نېئاپولدا تۇغۇلغان. نېئاپول شاھزادىسى دەپ ئاتالغان. 1887- يىلى ئەسكەرلىككە كىرگەن. 1896- يىلى مونتېنېگرو كورۇلىنىڭ قىزى ھېلېننا بىلەن توي قىلغان. 1900- يىلى دادىسى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن تەختكە چىققان، ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە بىلەن يېقىنلىشىپ، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقتىن تەدرىجىي ئايرىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، كېيىن ئانتانتا دۆلەتلەر تەرەپكە قاتنىشىپ ئۇرۇش قىلغان. 1922- يىلى مۇسسولىننىڭ رىمغا يۈرۈش قىلىشىغا قوشۇلۇپ، فاشىستلارنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىۋېلىشىغا يول قويغان. سىرتقا قىلىنغان تاجاۋۇز ۋاقىتلىق غەلىبىگە ئىگە بولغاندا، 1936 — 1943- يىللىرى ئۆزىنى ئېفىئوپىيىنىڭ پادىشاھى دەۋالغان، 1939 — 1943- يىللىرى ئۆزىنى ئالبانىيىنىڭ پادىشاھى دەۋالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، 1943- يىلى 7- ئايدا مۇسسۇلىننى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلغان، لېكىن ساۋوي خاندانلىقىنىڭ نوپۇزىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەن. 1946- يىلى 5- ئايدا ئورنىنى ئوغلى ئېبتو Ⅱ گە ئۆتۈنۈپ بەرگەن. ئىككىنچى يىلى مىسىردا ئۆلگەن.

ئېمېرسون

  • ئېمېرسون[يەشمىسى:] (Ralph Waldo Emerson، 1803 — 1882) ئامېرىكىلىق نەسرىي ئەسەرلەر يازغۇچىسى، شائىر، ئەزىلىيەتچى يازغۇچىلىرىنىڭ ۋەكىلى. بوستوندىكى پوپ ئائىلىسىدىن چىققان. 1821- يىلى خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. پوپ بولغان. توي قىلىپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىنلا ئايالى ئۆلۈپ كېتىپ، روھىي جەھەتتىن تەسىرگە ئۇچرىغان، شېئىرلىرىنىڭ تولىسى غەمكىنلىككە تولغان. 1832- يىلى ياۋروپاغا ساياھەتكە بېرىپ، كارلىلې قاتارلىق ئەدىبلەر بىلەن كۆرۈشكەن. ياندۇرقى يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. ئەسەرلىرى ۋە نۇتۇقلىرىدا ئۈمىدۋارلىق روھ بىلەن، خرىستىئان دىنىي ئەخلاق- پەزىلىتىنى تەرغىپ قىلغان. تەبىئەتكە يېقىنلىشىشنى، ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە كۆزىتىشىگە تايىنىپ كونىنى تاشلاپ يېڭىنى تىكلەشنى تەشەببۇس قىلغان، ئۇلۇغ ئادەملەرنى «ئاجايىپ روھ» نىڭ سىمۋولى دەپ ھېسابلىغان ھەمدە كاپىتالىزم جەمئىيىتىنى تەنقىد قىلغان، مۆتىدىل ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مىللىي ئەدەبىياتنى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدىكى ئىدىيىسى قويۇق سىرلىق تۈس ئالغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى «ۋەكىل ئەربابلار»، «ئىنگلىزلارنىڭ خاراكتېرى»، «جەمئىيەت ۋە غېرىبلىق»، «ماقالىلەر توپلىمى» شۇنىڭدەك شېئىرلاردىن تاللانما، كۈندىلىك خاتىرىلەر ۋە خەت- چەكلەر قاتارلىقلار بار.

ئېمىس جىددىي تېلېگرامى

  • ئېمىس جىددىي تېلېگرامى[يەشمىسى:] پرۇسسىيە- فرانسىيە ئۇرۇشىغا سەۋەب بولغان تېلېگرامما. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، فرانسىيە بىلەن پرۇسسىيە ياۋروپاغا زومىگەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىپ ئۇرۇش قوزغىماقچى بولۇشقان، بۇ چاغدا ئىسپانىيىدە تەخت ۋارىسى مەسىلىسى پەيدا بولغان. 1870- يىلى 6- ئايدا، پرۇسسىيە ھوھېنزوللېرن خان جەمەتىدىن شاھزادە لېئوپولد (Leopold Von HohenzollernSigmaringen، 1835 — 1905) ئىسپانىيىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ دۆلەتنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلماقچى بولغان. 7- ئايدا، فرانسىيە قارشىلىق قىلغانلىقتىن قايتىپ كەتكەن. 7- ئاينىڭ 13- كۈنى، فرانسىيىنىڭ پرۇسسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى گراف بېنېدېتتى (Vincent Benedetti، 1817 — 1900) گېرمانىيىنىڭ غەربىدىكى دەم ئېلىۋاتقان جايى ئېمىس (Ems) تا پرۇسسىيە كورۇلى ۋىليامⅠ بىلەن كۆرۈشۈپ، ۋىليامدىن ھوھېنزوللېن خان جەمەتىنىڭ مەڭگۈ ئىسپانىيە تەختىگە ۋارىسلىق قىلماسلىقى توغرىسىدا فرانسىيىگە ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلغان، بۇ تەلەپ سىلىق سۆزلەر بىلەن رەت قىلىنغان. كېيىن ۋىليامⅠ ۋەقەنىڭ جەريانىنى سىلىق سۆزلەر بىلەن تېلېگرامما ئارقىلىق بېرلىندىكى باش ۋەزىر بىسماركقا خەۋەر قىلغان. بىسمارك فرانسىيىنى ئۇرۇش ئېلان قىلىشقا قۇترىتىش ئۈچۈن، تېلېگراممىنى قەستەن ئۆزگەرتىپ، ئىغۋاگەرچىلىك سۆزلەرنى قوشۇپ ئېلان قىلىپ، فرانسىيىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. ناپولېئونⅢ 7- ئاينىڭ 19- كۈنى پرۇسسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن پرۇسسىيە- فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغان.

ئېنسكلوپېدىيىچىلەر

  • ئېنسكلوپېدىيىچىلەر[يەشمىسى:] ئەسلى ⅩⅧ ئەسىردە فرانسىيە «ئېنسكلوپېدىيە» سىگە ماقالە يازغانلارنى كۆرسىتەتتى، كۆچمە مەنىدە شۇ چاغدىكى فرانسىيە مەرىپەتچى مۇتەپەككۇرلىرىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بۇ كىتابنىڭ تولۇق ئىسمى «ئېنسكلوپېدىيە ياكى پەن، سەنئەت ۋە ھۈنەر- سەنئەت ئىزاھلىق لۇغىتى» (Encyclopedie, ou Dictionnaire raisonne des sciences, des arts, ef des Metiers). دىدېرو باش تەھرىر بولغان، دۇلامبېر بىر مەزگىل تەھرىرلىككە ياردەملەشكەن. 1751 — 1772- يىللىرى جەمئىي 28 توم نەشىر قىلىنغان. 1776 — 1780- يىللىرى يەنە قوشۇمچە ۋە ئىندېكس بولۇپ يەتتە توم قوشقان. بۇ كىتابنىڭ ماددىلىرىنى يېزىشقا 140 نەچچە كىشى قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە نۇقتىئىنەزەرلىرى ئوخشاش بولمىغان. لېكىن باش تەھرىر دىدېرو ۋە ئاساسلىق ماقالە يازغۇچى روسسۇ، ۋولتېر مونتېسكيۇ، ھولباخ، ھېلۋېتىئۇس (Helvetius) قاتارلىقلار دىنىي جاھالەت ۋە فېئوداللىق مۇستەبىت تۈزۈمگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دىنىي ماداراچىلىقنى تەشەببۇس قىلغان، ئەقلىيچىلىك ۋە تەنقىد روھىنى تەرغىپ قىلىپ، دېئزم (deism)، ئاتېئىزم ياكى ماتېرىيالىزمنى تەشۋىق قىلغان، يېڭى ئىلىم- پەن ۋە تېخنىكىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغا ئىدىيىۋى تەييارلىق قىلغان. 

ئېنكرۇما

  • ئېنكرۇما[يەشمىسى:] (Kwame Nkrumah، 1909 — 1972) گانا زۇڭتۇڭى (1960 — 1966). زەرگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1935- يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ لىنكولن داشۆسى، پېنسىلۋانىيە داشۆسىدە ئوقۇغان. ئامېرىكىدا تۇرغان مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان، «ئامېرىكا ۋە گانادىكى ئافرىقىلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەئىسى بولغان. 1945- يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇغان ھەمدە 5- نۆۋەتلىك پان ئافرىقا يىغىنى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ كاتىپى بولغان. 1947- يىلى ۋەتىنىگە قايتقان، ئىككىنچى يىلى ئالتۇن قىرغاق بىرلەشكەن كونگېرىسى پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1949- يىلى خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيىسىنى تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭ رەئىسى بولغان ھەمدە «دەرھال ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش» نى ئوتتۇرىغا قويغان. 1950- يىلى ئەنگلىيىگە قارشى ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1951- يىلى خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيىسى سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئالتۇن قىرغاق ھۆكۈمەت ئىشلىرى رەھبىرى بولغان، ياندۇرقى يىلى زۇڭلى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1957- يىلى گانا مۇستەقىللىك ئېلان قىلغاندا، زۇڭلى بولغان. 1960- يىلى گانا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، تۇنجى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان ھەمدە قوشۇمچە زۇڭلى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە سىرتقا قارىتا تىنچ بىتەرەپلىك سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان، جاھانگىرلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرغان، ئافرىقىدىكى مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنى قوللىغان؛ ئىچكى جەھەتتە مىللىي سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، چەت ئەل كاپىتالىغا بولغان بېقىندىلىقنى يوقاتقان. 1966- يىلى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن گۋىنىيىدە تۇرغان. 1972- يىلى بۇخارېستتا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ «مۇستەملىكىلەر ئەركىنلىكىگە قاراپ ماڭايلى»، «ئافرىقا بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك»، «تۇغما بىلىمچىلىك»، «ئافرىقىدىكى سىنىپىي كۈرەش»، «ئىنقىلاب يولى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ئېنگېلبرېكتىسون

  • ئېنگېلبرېكتىسون[يەشمىسى:] (Engelbrekt Engelbrektsson، 1390 — 1459) شۋېتسىيىنىڭ دالېكارلىيا تاغلىق رايونىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى. كېلىپ چىقىشى كىچىك ئاقسۆڭەك، كان سودىگىرى. دانىيە ۋە شۋېتسىيە كورۇلى ئېرىك Ⅶ (EricⅦ،1382— 1459) ئېغىر باجنى يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ كۈنى ئېغىرلىشىپ، شۋېتسىيە خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئېنگېلبرېكتىسون دالىكارلىيا تاغلىق رايونىدىكى دېھقانلار ۋە كان ئىشچىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ فېئوداللارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 1435- يىلى شۋېتسىيە مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا ۋە قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئالىي قوماندانلىقىغا سايلانغان. 1436- يىلى كورۇل بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار كارل كنۇتسون (Karl Knutsson) بىلەن بىللە يولباشچى بولغان. شۇ يىلى 5- ئاينىڭ باشلىرى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئېنگېلمان

  • ئېنگېلمان[يەشمىسى:] (Engelmann pal Gabol، 1854 — 1916) ۋېنگرىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى، ۋېنگرىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرغۇچىسى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. تۈنىكىچىلىك قىلغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئاۋسترىيە ۋە گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1884- يىلى ۋېنگرىيە ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1889- يىلى بۇ پارتىيىنىڭ رەھبىرى بولۇپ قالغان. 1890- يىلى 12- ئايدا ۋېنگرىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرغان، 1893- يىلى 1- ئايدا ئاغمىچىلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ پارتىيىدىن چىقىرىلغان. ياندۇرقى يىلى 1- ئايدا ۋېنگرىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرغان، 5- ئايدا يەنە سوتسىئال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن بىرلەشكەن ھەمدە بۇ پارتىيىنىڭ سولچى يولباشچىسى بولغان. 1905- يىلىدىن كېيىن ئاستا- ئاستا بۇرژۇئا رادىكالچىلىق تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن.

ئېنگېلس

  • ئېنگېلس[يەشمىسى:] (Friedrich Engels، 1820.11.28 — 1895.8.5) پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازى ۋە داھىيسى، ماركسىزم ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى. ماركسنىڭ يېقىن سەپدىشى. پرۇسسىيىدىكى رېين ئۆلكىسىنىڭ بارمېن شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ خوجايىنى ئىدى. 1837- يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندە، دادىسىنىڭ مەجبۇرلىشى ئارقىسىدا سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. برېمېندىكى بىر چوڭ سودا شىركىتىدە ئىشلەۋاتقاندا رادىكال ئەدەبىيات تەشكىلاتى «ياش گېرمانىيە» بىلەن يېقىنلاشقان ھەمدە ئۇنىڭ ژۇرنىلى «گېرمانىيە تېلېگرافى» دا پادىشاھلىق تۈزۈمگە، ئاقسۆڭەكلەر ئىمتىيازىغا قارشى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان. 1841- يىلى بېرلىنغا بېرىپ، پىيادە قىسىملار زەمبىرەكچىلەر پولكىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بېرلىن داشۆسىدە پەلسەپە دەرسى ئاڭلىغان، ياش گېگېلچىلار گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان. 1842- يىلى 3- ئايدا «شېللىڭ ۋە ئىلھام» دېگەن كىتابنى يېزىپ شېللىڭنىڭ ئەكسىيەتچىل مىستېتىسىزملىق كۆز قارىشىنى تەنقىد قىلغان. شۇ يىلى 9- ئايدا، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ۋاقتى توشۇپ، ئەنگلىيىدىكى مانچېستېرغا بېرىپ، دادىسى باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ باشقۇرغان كارخانىدا ئىشلىگەن. بۇ يەردە دائىم زاۋۇتقا ۋە ئىشچىلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا بېرىپ ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئىگىلىگەن، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە ئەنگلىيىدىكى ئاساسىي نىزام ھەرىكىتى ئەربابلىرى بىلەن ئالاقە باغلىغان، شۇنداقلا «رېين گېزىتى» قاتارلىق گېزىت- ژۇرناللارغا ماقالە يېزىپ تۇرغان. 1844- يىلى 3- ئايدا «نېمىس- فرانسۇز يىللىق مەجمۇئەسى» دە «سىياسىي ئىقتىساد تەنقىدىگە دائىر ئوچېرك» نى ئېلان قىلىپ، كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي تۈزۈمنى سوتسىيالىزم نۇقتىئىنەزەرى بىلەن تەتقىق قىلغان. بۇ چاغدىكى ئەسەرلەر ئۇنىڭ ئىنقىلابىي دېموكراتىزمدىن كوممۇنىزمغا بۇرالغانلىقىنى، ئىدېئالىزمدىن ماتېرىيالىزمغا بۇرالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 1844- يىلى 8- ئاينىڭ ئاخىرىدا ۋەتىنىگە قايتىش سەپىرىدە پارىژدا ماركس بىلەن كۆرۈشكەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىككى ئىنقىلابىي ئۇستاز پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرىنىڭ ئازادلىق ئىشى يولىدا قولنى قولغا تۇتۇپ كۈرەش قىلىشقا باشلىغان. پارىژدا ماركس بىلەن بىرلىكتە «مۇقەددەس ئائىلە» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ، ياش گېگېلچىلارنىڭ ئىدېئالىستىك پەلسەپىسىنى تەنقىد قىلغان، خەلق ئاممىسى تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ بەرگەن. 1845- يىلى گېرمانىيىگە قايتىپ، «ئەنگلىيىدىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئەھۋالى» نى نەشىر قىلىپ، كاپىتالىزم تۈزۈمىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىنى پاش قىلىپ، كاپىتالىستلارنىڭ ئىشچىلار ئۈستىدىكى دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيىسىنى شىكايەت قىلغان ھەمدە پرولېتارىياتنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە رولىنى تۇنجى قېتىم شەرھلەپ، سوتسىيالىزم بىلەن ئىشچىلار ھەرىكىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. 1845- يىلى ئەتىيازدا، بىريۇسسېلغا كۆچۈپ بېرىپ، بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ماركس بىلەن يەنە بىر قېتىم جەم بولغان ھەمدە «نېمىس ئىدېئولوگىيىسى» نى بىرلىكتە يېزىپ، گېگېلدىن كېيىنكى نېمىس پەلسەپىسىنى تەنقىد قىلىپ، تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ تۈپ قائىدىسىنى بايان قىلغان. 1846- يىلى ۋە 1847- يىلى ماركس بىلەن بىللە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كوممۇنىستىك ئاخبارات كومىتېتى ۋە نېمىس ئىشچىلار جەمئىيىتىنى قۇرغان ھەمدە پرودونچىلىققا، ۋېيتىلىڭنىڭ تەڭ تەقسىماتچىلىق كوممۇنىزمىغا ۋە «ھەقىقىي» سوتسىيالىزمغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان. 1847- يىلى ماركس بىلەن بىللە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان، ئىتتىپاقنىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيى ئۈچۈن پروگرامما لايىھىسى يەنى «كوممۇنىزم پرىنسىپلىرى» نى تەييارلىغان.1847- يىلى12-ئايدىن 1848- يىلى 1- ئايغىچە، ماركس بىلەن بىللە «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» نى يېزىپ چىققان. «خىتابنامە» دە پرولېتارىيات كۈرىشىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەلىماتى ۋە پرولېتارىيات ئىنقىلابى ھەم پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسى سىستېمىلىق، مۇكەممەل شەرھلەنگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ھەرقايسى ئەللەر پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ھەرىكىتى ئورتاق يول كۆرسەتكۈچى ماياكقا ئىگە بولغان. 1848- يىلى، گېرمانىيە ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، يەنە ماركس بىلەن بىللە فرانسىيىدىن گېرمانىيىگە قايتىپ بېرىپ، كيۇلىندا «يېڭى رېين گېزىتى» نى چىقارغان. 1849- يىلى5، 7- ئايلاردا، گېرمانىيە خەلقىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭىغا بىۋاسىتە قاتنىشىپ، كارامەت ھەربىي تالانتىنى كۆرسەتكەن. قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن، قالغان ئىنقىلابىي قوشۇن بىلەن شۋېتسارىيىگە بارغان. كېيىن لوندونغا بېرىپ، ماركس بىلەن بىرلىكتە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرى ۋە مەركىزىي كومىتېتىنى يېڭىباشتىن قۇرغان. 1850 — 1852- يىللىرى «گېرمانىيىدىكى دېھقانلار ئۇرۇشى» ۋە «گېرمانىيىدىكى ئىنقىلاب بىلەن ئەكسىلئىنقىلاب» نى يېزىپ، 1848- يىلىدىكى ئىنقىلابنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، قوراللىق قوزغىلاڭ مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1850- يىلى 11- ئايدا، ماركسقا ئىقتىسادىي جەھەتتە مەدەت ۋە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يەنە مانچېستېرغا قايتىپ بېرىپ، ئومېن- ئېنگېلس شىركىتىدە سودىگەرچىلىك قىلغان، 1870- يىلى لوندونغا كۆچۈپ بارغان. مۇشۇ 20 يىلدا ماركس بىلەن ھەر كۈنى دېگۈدەك خەت ئېلىشىپ، تۈرلۈك مەسىلىلەر ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىپ تۇرغان. 1851 — 1852- يىللىرى «نيۇ- يورك كۈندىلىك مۇنبەر گېزىتى» ۋە باشقا گېزىت- ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلقئارادىكى زور سىياسىي ۋەقەلەرگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرغان، ئىتالىيە، ئېرلاندىيە، پولشا، گېرمانىيە، ئامېرىكا ۋە جۇڭگودىكى ئىنقىلابىي كۈرەشلەرنى بايان قىلغان ۋە قوللىغان؛ ھەربىي ئىشلار نەزەرىيىسىنى ناھايىتى زور قىزىقىش بىلەن تەتقىق قىلىپ، ھەربىي ئىشلارغا ئائىت نۇرغۇن ماقالىلەرنى يازغان؛ تىلشۇناسلىقنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. 1864- يىلى خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتى (يەنى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال) قۇرۇلغاندىن كېيىن، ماركس بىلەن بىللە ئۇنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىگە قاتناشقان ھەمدە ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىچكى قىسمىدا پرۇدونچىلار، باكونىنچىلار، ئىشچىلار بىرلەشمىچىلىكى تەرەپدارلىرى ۋە لاسسالچىلار بىلەن پرىنسىپال كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىسلاھاتچىلىق، تەسلىمچىلىك، ھۆكۈمەتسىزلىك، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئىنتېرناتسىئونالغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك سۇيىقەستلىك ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى ئۈچۈن ئاساس سالغان. 1870- يىلى 7- ئايدا پرۇسسىيە- فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ھەربىي ئىشلارغا دائىر بىر قاتار ئوبزورلارنى ئېلان قىلىپ، ئۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلمىي يوسۇندا مۆلچەرلىگەن. 1871- يىلى 3- ئايدا، پارىژ ئىشچىلىرى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ قۇرغان تارىختىكى تۇنجى پرولېتارىيات ھاكىمىيىتى — پارىژ كوممۇنىسىنى ئاكتىپ قوللىغان. ماركس بىلەن بىرلىكتە پارىژ ئىشچىلىرىنىڭ ئىنقىلابىي ئىجادچانلىق روھى ۋە قەھرىمانلارچە جاسارىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن، كوممۇنىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بەرگەن. بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن، ماركس ئاساسىي كۈچىنى «كاپىتال» نى يېزىشقا قاراتقان ئەھۋالدا، گېزىت- ژۇرناللاردا ئۆزلىرىنىڭ بەزى پرىنسىپال مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 1875- يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى (ئېيزىناخچىلار) بىلەن لاسسالچىلار بىرلەشكەندە، ماركس بىلەن بىللە بىرلىكتە ئېزىناخچىلار يولباشچىلىرىنىڭ تەسلىمچىلىك مەيدانىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان، «گوتا پروگراممىسى» دىكى لاسسالچىلىق كۆز قاراشلىرىنى تەنقىد قىلغان. 1877 — 1878- يىللىرى بىر قاتار ماقالىلەرنى يېزىپ، ئىلمىي سوتسىيالىزم نەزەرىيىسىنى ئاغدۇرۇۋەتمەكچى بولغان ديۇرىڭنى ئومۇميۈزلۈك تەنقىد قىلىپ، ماركسىزملىق ئۈچ تەركىبىي قىسمىنى تۇنجى قېتىم سىستېمىلىق شەرھلەپ بەرگەن. بۇ ماقالىلەر كېيىن توپلىنىپ «ديۇرىڭغا قارشى» دېگەن كىتاب قىلىپ بېسىلىپ، «ھەربىر ئاڭلىق ئىشچى ئوقۇشى زۆرۈر بولغان كىتابلار» بولۇپ قالغان. («لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى»، 2- توم، خەلق نەشرىياتى 1972- يىل، خەنزۇچە نەشرى،442-بەت). 1879- يىلى ماركس بىلەن بىللە مەشھۇر «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش خېتى» نى يېزىپ، گېرمانىيە پارتىيىسى ئىچىدىكى سىيۇرىخ ئۈچ كىشىلىك گۇرۇھىنىڭ ئىسلاھاتچىلىقى ۋە تەسلىمچىلىكىنى تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، 70- يىللارنىڭ باشلىرىدىن 1883- يىلىغىچە يەنە تەبىئىي پەندىكى پەلسەپە مەسىلىلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتقا كىرىشىپ، نۇرغۇن خاتىرىلەرنى يازغان، شۇ چاغدىكى تەبىئىي پەننىڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم ئاساسىدا يىغىنچاقلىغان، تەبىئىي پەندىكى مېتافىزىكا ۋە ئىدېئالىزمنى تەنقىد قىلغان، ماتېرىيالىستىك دىئالېكتىكىنى راۋاجلاندۇرغان. بۇ خاتىرىلەر ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن رەتلىنىپ «تەبىئەت دىئالېكتىكىسى» قىلىنغان. 1883- يىلى 3- ئايدا ماركس ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ماركسنىڭ ئەسەرلىرىنى رەتلەش ۋە ئېلان قىلىش ھەم خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان ھەمدە نۇرغۇن مۇھىم ئەسەرلەرنى يازغان. 1885- يىلى «كاپىتال» نىڭ 2- تومىنى رەتلەپ نەشىرقىلغان،1894-يىلى 3- تومىنى نەشىر قىلغان. 1884- يىلى «ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى» نى يېزىپ، سىنىپنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى، دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ماھىيىتىنى شەرھلەپ بەرگەن. 1888- يىلى «ليۇدۋىگ فېييېرباخ ۋە نېمىس كلاسسىك پەلسەپىسىنىڭ ئاخىرى» نى يېزىپ، ماركسىزم بىلەن گېگېل پەلسەپىسى ۋە فېييېرباخ پەلسەپىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى تەپسىلىي شەرھلەپ بەرگەن. 1889- يىلى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا بىۋاسىتە قاتناشقان ھەمدە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان شۇنداقلا تۈرلۈك ئاغمىچىلىققا قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان. 1891- يىلى 6- ئايدا، «1891- يىلدىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى پروگراممىسى لايىھىسى ئۈستىدە تەنقىد» نى يېزىپ، «سوتسىيالىزم» غا تىنچ «ئۈسۈپ كىرىش» دېگەن سەپسەتىنى كۈچلۈك تەنقىد قىلغان. 1894- يىلى، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ دېھقانلار مەسىلىسىدىكى خاتا مەيدانىغا قارىتا، «فرانسىيە- گېرمانىيىدىكى دېھقانلار مەسىلىسى» نى يازغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىنقىلابىي ئەربابلار بىلەن كۆپلەپ خەت- ئالاقە قىلىپ، تارىخىي ماتېرىيالىزم قائىدىلىرىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرغان. 1895- يىل 8- ئاينىڭ 5- كۈنى لوندوندا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. لېنىن: «ماركس بىلەن ئېنگېلسنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ تۆھپىسى شۇ يەردىكى، ئۇلار كاپىتالىزمنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى، كىشىنى كىشى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ھادىسىسى بولمىغان كوممۇنىزمغا ئۆتۈشنىڭ مۇقەررەرلىكىنى ئىلمىي يوسۇندا تەھلىل قىلىپ دەلىللەپ بەردى»؛ «ئۇلار ھەرقايسى ئەللەر پرولېتارلىرىغا پرولېتارلارنىڭ رولى، ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتى ئالدى بىلەن قوزغىلىپ كاپىتالغا قارشى كۈرەش قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېگەنىدى («لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى»، 3- توم، خەلق نەشرىياتى 1972- يىل خەنزۇچە نەشرى، 603- بەت).

ئېنوموتو تاكېئاكى

  • ئېنوموتو تاكېئاكى[يەشمىسى:] (1836 — 1908) ياپونىيە ئېدونىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، مېيجىنىڭ باشلىرىدىكى سىياسىي ئەرباب، شوگناتتىكى بيۇروكرات ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1855- يىلى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ناگاساكىدىكى ئۆگىنىش ئورنىدا ئوقۇغان. 1858- يىلى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئېدودىكى تەلىم- تەربىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1862- يىلى گوللاندىيىگە بېرىپ، ھەربىي ئىشلار، خىمىيە ۋە خەلقئارا قانۇننى ئۆگەنگەن. 1867- يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئىجراچىسى بولغان، ئىككىنچى يىلى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرلىقىغا كۆتۈرۈلگەن. ۋۇچېن يىللىرىدىكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، شوگنات كېمە ئەترىتىنى باشلاپ، خوككايدونىڭ خاكوداتى دېگەن يېرىدىكى ۋۇلىڭگودا يېڭى ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغان. مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ يىل قامالغان. 1872- يىلى كەچۈرۈم قىلىنىپ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن خوككايدونىڭ باقاۋۇلى بولغان. 1874- يىلى روسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. ئىككىنچى يىلى 5- ئايدا پېتېربۇرگتا روسىيە بىلەن «كامچاتكا ئارىلى بىلەن كۇرىل ئارىلىنى ئالماشتۇرۇش شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. 1882يىلى8-ئايدا جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان.1885-يىلى ئىتوخىروفومىغا ھەمكارلىشىپ جۇڭگو چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن «تيەنجىن شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان ۋە چاۋشيەن مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغان. 1885- يىلى ئېنو ئىچكى كابىنېتىنىڭ پوچتا ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. 1888-يىلى فورودا ئىچكى كابىنېتىنىڭ پوچتا ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان ھەمدە قوشۇمچە دېھقانچىلىق- سودا، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. 1889- يىلى ياماگاتا ئىچكى كابىنېتىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. 1891- يىلى ماتسۇكاتا ئىچكى كابىنېتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1894- يىلىدىن باشلاپ، ئىتونىڭ 2- نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېتى ۋە ماتسۇكاتانىڭ 2- نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېتىنىڭ دېھقانچىلىق- سودا ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. «سىبىرىيە خاتىرىسى» دېگەن ئەسىرى بار.

ئېنېسكو

  • ئېنېسكو[يەشمىسى:] (George Enescu ياكى Georges Enesco، 1881 — 1955) رۇمىنىيىلىك كومپوزىتور، ئىسكىرىپكىچى، دىرىژور، پىئانىست. كىچىك ۋاقتىدا يېزىلىق مۇزىكا ئۇستىلىرىدىن مۇزىكا چېلىشنى ئۆگەنگەن. 1888—1899-يىللىرى ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ ۋېنا مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا ۋە پارىژ مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1899- يىلىدىن باشلاپ، مۇزىكا چېلىش، دىرىژورلۇق قىلىش، ئوقۇتقۇچىلىق ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، كۆپىنچە ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئويۇن قويغان. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە رۇمىنىيىدە تۇرۇپ قالغان. كېيىن ئۇزۇن مۇددەت پارىژدا ئولتۇراقلاشقان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مىللىي تۈسكە باي بولۇپ، رۇمىنىيىنىڭ ھازىرقى زامان مۇزىكا تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئەسەرلىرىدىن: سىمفونىيىلىك مۇزىكا «رۇمىنىيە راپسودىيىسى»، «يېزا كۈيلىرى»، ئىسكىرىپكا ۋە رويال بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن كۈي «ئۆسمۈرلۈك ئەسلىمىلىرى»، ئوپېرا «ئەيدىپ»، شۇنىڭدەك سىمفونىيە ئىسكىرىپكا ۋە پىئانىنو بىلەن ئورۇنلىنىدىغان مۇزىكىنىڭ ھەرقايسىسىدىن ئۈچ يۈرۈش بار.

ئېنىسكىفت تۈزۈمى

  • ئېنىسكىفت تۈزۈمى[يەشمىسى:] شۋېتسىيە تىلىدىكى Enskifte نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىداگۇستاۋⅥ ئىشلەتكەن بىر خىل يەر تۈزۈمى. ئۇنىڭدا دېھقانلارنىڭ تارقاق يەرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، دائىرىسى كەڭرەك ئېتىزلارنى ھاسىل قىلىش ھوقۇقى بارلىقى بەلگىلەنگەن. ئۇ تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋە تۈجۈپىلەپ ئىشلەش، ئىلگىرىكى يېزا كوممۇنىسى تۈزۈلمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش، يېزىلارنىڭ قىياپىتىنى ۋە دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، شۇنىڭدەك مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان.

ئېھرام

  • ئېھرام[يەشمىسى:] [金字塔] مەنىسى «پىرامىدا» دېگەنلىك. كۆپىنچە قەدىمكى مىسىر فىرئەۋىنلىرىنىڭ قەبرىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇلى تىك تۆتبۇلۇڭ بولۇپ، تۆت تەرىپى تەڭ ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدە ياسىلىدۇ. مىسىر فىرئەۋىنلىرى (كورۇل ) ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا مەڭگۈ تۇرۇش ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ تەڭداشسىز قۇدرىتىنى نامايان قىلىش ئارزۇسى بىلەن كۆپىنچە ھايات ۋاقتىدا ئۆزى ئۈچۈن ئېھرام ياسىتىدۇ. ئۈچىنچى سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى جۇسېر (Djoser ياكى Zoser) تۇنجى قېتىم ئالتە قەۋەتلىك تراپېتسىيە شەكلىدە ئېھرام (ماستابا) ياساتقان. تۆتىنچى سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 2589 — 2566) ياساتقان ئېھرامنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئېگىزلىكى 5.146 مېتر (ھازىر دەسلەپكى چاغدىكىدىن 9 مېتر ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن)، ھەربىر تەرىپىنىڭ تەكتى ئۇزۇنلۇقى 230 مېتر بولۇپ، 2 مىليون 300 مىڭ پارچە غايەت زور تاش (بىر تاشنىڭ ئېغىرلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5.2 توننا كېلىدۇ) دىن قوپۇرۇلۇپ ياسالغان. ئېھرامنىڭ ئىچىدە پەلەمپەي، كارىدور، قەبرە ھەمدە زىننەت رەسىملىرى، ئويما قاتارلىق سەنئەت بۇيۇملىرى بار. ھازىرغىچە قاھىرەنىڭ يېنىدىكى گىزا (Giza) دېگەن جايدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 10 مىڭ ئەمگەكچى 30 يىل ئىشلەپ پۈتتۈرگەنىكەن. سىرتقى كۆرۈنۈشى كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى لايىھىلىنىشى پۇختا، قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ، چىداملىقلىقى يۇقىرى بولۇپ، بىناكارلىق تارىخىدىكى بىر مۆجىزە، يەنى دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى دەپ نام ئالغان. فىرئەۋىن خافرا ياساتقان ئېھرام ئىككىنچى ئورۇندا بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 5.138 مېتر كېلىدۇ؛ ئۇنىڭغا يېقىن بىر جايدا غايەت زور شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل (سىفىنكىس) بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 20 مېتر، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 57 مېتر كېلىدۇ، ئۇ تەبىئىي غايەت زور تاشتىن ئويۇپ ياسالغان. ھازىرغىچە گىزا، زاكارا قاتارلىق جايلاردا چوڭ- كىچىك بولۇپ 70 تىن ئوشۇق ئېھرام ساقلىنىپ قالغان. بۇ ئېھراملار ئەينى چاغدىكى فىرئەۋىنلەرنىڭ چەكسىز ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىنىڭ سىمۋولى، شۇنداقلا ئەمگەكچى خەلقنى دەھشەتلىك تۈردە قۇل قىلغانلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى. بۇنىڭدىن باشقا لاتىن ئامېرىكىسىدىمۇ بىر تۈرلۈك ئېھرام بار. 

ئېئولېسلار

  • ئېئولېسلار[يەشمىسى:] (Aeolli ياكى Aeolians) قەدىمكى يۇنان ئاھالىلىرىنىڭ بىر خىلى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دەسلەپتە يۇناننىڭ شىمالىدىكى تېسسالىيىدىكى پېنېئوس (Peneus) دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئاكاييالىقلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەن. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئېگېي دېڭىزى تەرەپكە كۆچۈش جەريانىدا ئالدى بىلەن فراكىيە ۋە ھېللېسپونت (گرانىك دەرياسى بويى) قا كۆچۈپ، ئارقىدىن جەنۇبقا بېرىپ، لېسبوس ئارىلى ۋە ئۇنىڭ قارشى قىرغىقى (كىچىك ئاسىيا) دىكى كۇمې (Cume) نى ئىگىلەپ، ئاخىرى كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىدا بىر تۈركۈم ئېئولېسلار شەھەرلىرىنى قۇرۇپ چىققان؛ شۇڭا بۇ رايونلارمۇ ئېئولېس (Aeolis) دەپ ئاتالغان. كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمال دېڭىز بويى رايونلىرىدىن باشقا يۇناننىڭ شىمالىدىكى تىسسالىيە، ئوتتۇرا قىسمىدىكى بېئوتىيە ۋە جەنۇبىدىكى ئاركادىيىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان دىئالېكتتا سۆزلىشىدىغان ئېئولېسلار تارقاق ئورۇنلاشقان.

ئېئولىت

  • ئېئولىت[يەشمىسى:] (eolith) ئادەتتە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تاڭ نۇرى دەۋرىدىكى تاش قوراللار يەنى كونا تاش قوراللار دەۋرىدىن تېخىمۇ بالدۇرقى تاش قوراللار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. لېكىن ئارخېئولوگىيە تارىخىدا، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا بەزى ياۋروپالىقلارنىڭ 3- دەۋر ۋە 4- دەۋرنىڭ باشلىرىدىكى يەر قاتلىمىدىن قېزىپ چىقىرىلغان بىر خىلى (تاش پارچىلىرى ۋە تاشلار) كۆزدە تۇتۇلغان. كېيىن تەجرىبىلەر ئارقىلىق بۇ ئېئولىتلارنىڭ سۈنئىي ئىشلەنگەن بولماستىن، ئەمەلىيەتتە تەبىئىي پارچىلانغان، پىششىقلانمىغان تاش ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

ئېئۇرىك

  • ئېئۇرىك[يەشمىسى:] (Euric، ؟ — 484) غەربىي گوت كورۇلى (466—484). تەختتە مەزگىلىدە، ئىسپانىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى (پەقەت غەربىي شىمال قىسمىنىلا سۇۋۋى خاندانلىقى ئىگىلىۋالغان) بويسۇندۇرغان ھەمدە گاللىيە رايونىدىكى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئازغىنا قالدۇق كۈچلىرىنى يوقىتىپ، دۆلەت چېگرىسىنى لويىرې دەرياسىنىڭ شىمالىغىچە ۋە رونې دەرياسىنىڭ شەرقىغىچە كېڭەيتىپ، غەربىي گوت خاندانلىقىنى ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ زېمىنغا ئىگە قىلغان. ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم غەربىي گوت قانۇنىنى تۈزگەن.

ئېئۇسېبىئۇس

  • ئېئۇسېبىئۇس[يەشمىسى:]Eusebius of Gaesarea، تەخمىنەن مىلادى 260—340-يىللىرى) خرىستىئان دىنىي تارىخشۇناسلىقىغا ئاساس سالغۇچى. تەخمىنەن مىلادى 314- يىلى پەلەستىننىڭ كائېسارېيە (Gaesarea) رايونىنىڭ ئېپىسكوپى بولغان. 325- يىلى رىم ئىمپېراتورى كونستانتىن چاقىرغان نېسىيە دىنىي يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ ئىشەنچسىگە ئېرىشكەن. ئۇ تارىخنى خرىستىئان دىنى تېئولوگىيە (ئىلاھچىلىق) نۇقتىئىنەزەرلىرى بويىچە يازغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسىرى — «سالنامە» دە: «دۇنيانىڭ يارىلىشى» دىن تارتىپ 324- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. «چېركاۋ تارىخى» دا چېركاۋ قۇرۇلۇپ تاكى 323- يىلىغىچە بولغان تارىخ بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ خرىستىئان چېركاۋلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرقەدەر تەپسىلىي بايان قىلغان تارىخ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە «كونستانتىننىڭ تەرجىمىھالى» ۋە «پەلەستىنلىك شېھىتلار تەزكىرىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇ، كىشىلەر تەرىپىدىن «چېركاۋ تارىخچىلىرىنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ «سالنامە» ناملىق ئەسىرى خېلى تەسىرگە ئىگە بولۇپ، تاكى Ⅷ ئەسىرگىچە بۇنى داۋاملاشتۇرغۇچىلار ئاز ئەمەس.

ئېئۇلېر- كېلپىن

  • ئېئۇلېر- كېلپىن[يەشمىسى:]ChelpinHans Karl August Simons Von Euler، 1873 — 1964)، شۋېتسىيىلىك بىئو- خىمىك. گېرمانىيىنىڭ ئاۋگسبۇرگ شەھىرىدە تۇغۇلغان. گېرمانىيە ۋە فرانسىيىدە ئوقۇغان. رەسىم سىزىشنىمۇ ئۆگەنگەن.1898- يىلىدىن باشلاپ ستوكھولم داشۆسىدە ۋەزىپە ئۆتەپ، 1906- يىلىدىن باشلاپ بۇ داشۆنىڭ خىمىيە پروفېسسورى بولغان. قەنتنىڭ ئېچىشى ۋە فېرمېنتلارنىڭ رولى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، 1929- يىلى ئەنگلىيىلىك ھاردېن (Arthur Harden، 1865 — 1940) بىلەن بىرلىكتە، نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئېئۇنۇس

  • ئېئۇنۇس[يەشمىسى:] (Eunus، مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 132) قەدىمكى رىمدىكى بىرىنچى قېتىملىق سىتسىلىيە قۇللار قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى. سۈرىيىلىك بولۇپ، سىتسىلىيە ئارىلىدا قۇل بولغان. «بۈيۈك مەبۇدە» گە چوقۇنۇپ، سېھىرگەرلىك قىلغان. مىلادىدىن 138 يىل ئىلگىرى سىتسىلىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئېننا (Enna ياكى Henna) شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا قۇللار قوزغىلىڭى پارتلىغاندا، ئۇ «يېڭى سۈرىيە پادىشاھلىقى» نىڭ كورۇلى بولغان. كلېئۇن باشچىلىقىدىكى يەنە بىر قۇللار قوزغىلاڭچى قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، رىم ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، قۇلدارلارنىڭ چوڭ قورۇقلىرىنى ۋەيران قىلغان، رىم ھۆكۈمرانلىرىنى زىلزىلىگە سالغان. مىلادىدىن 132 يىل ئىلگىرى رىم كونسۇلى روپىلېي ئېننا شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندا ئۇ مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشۈپ، قالغان كېيىن تۈرمىدە ئۆلگەن.

ئېۋانگېلىستا

  • ئېۋانگېلىستا[يەشمىسى:] (Crisanto Evangelista، 1888 — 1942) فىلىپپىن كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. مەتبەئە ئىشچىلىقىدىن كېلىپ چىققان. 1911- يىلى مەتبەئە ئىشچىلىرى بىرلەشمە ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1924- يىلى ئورا (Antonio Ora، 1891 — 1931) بىلەن ئىشچىلار پارتىيىسىنى تەشكىللەپ، ماركسىزم- لېنىنىزمنى تەرغىپ قىلغان. 1927- يىلى ئىشچىلار قۇرۇلتىيىنىڭ سېكرىتارلىقىغا سايلانغان، 1929- يىلى مەزكۇر تەشكىلات پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، ئايرىم ھالدا پرولېتارلار ئىتتىپاقىنى قۇرغان. 1930- يىلى فىلىپپىن كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغان. ئىككىنچى يىلى 5- ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارلىقىغا سايلانغان.1938-يىلى فىلىپپىن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى كوممۇنىستىك پارتىيىگە قوشۇلغاندىن كېيىن، پارتىيىنىڭ مىللىي ئىشچىلار كومىتېتى رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1942- يىلى ياپون ئارمىيىسى فىلىپپىننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، خەلقنى تەشكىللەپ تاجاۋۇزچىلارغا زەربە بەرگەن، شۇ يىلى قولغا ئېلىنىپ قۇربان بولغان.

ئېۋانىس

  • ئېۋانىس[يەشمىسى:] (Arthur John Evans، 1851 — 1941) ئەنگلىيىلىك ئارخېئولوگ. ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان. ياش ۋاقتىدا ئەنگلىيە لوندون ئارخېمولىن مۇزېيىدا خىزمەت قىلغان. 1900 — 1909- يىللىرى گرېتسىيىنىڭ كرېت ئارىلىدىكى كىنوسۇس قەدىمكى شەھىرىنىڭ خارابىسىنى قېزىپ، مىنوسنىڭ ھەشىمەتلىك خان سارىيى ۋە كۆپلىگەن سەنئەت بۇيۇملىرى ھەمدە سىزىقسىمان يېزىق سېغىز بەتلەرنى تېپىپ چىققان، تاكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغانغا قەدەر 40 نەچچە يىل خان سارىيىنى قېزىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، مىنوس سارىيى تەتقىقاتىغا زور تۆھپە قوشقان. بۇنىڭدىن باشقا، مىكېناي (Mycene) مەدەنىيىتىنىڭ تەكتىنى تېپىپ چىققان ھەمدە ئېگېي مەدەنىيىتىنى تولۇق دەۋرلەرگە بۆلۈپ چىققان. تۆت توملۇق «كىنوستىكى مىنوس سارىيى» دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇ، ئېگېي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىپ، بۇ مەدەنىيەتنى چۈشەندۈرۈش ۋە دەۋرلەرگە بۆلۈشتە ھازىرغىچە تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

ئېۋبېيە

  • ئېۋبېيە[يەشمىسى:] (Euboea) ئېگېي دېڭىزىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال. قەدىمكى يۇناندىكى بىر رايون. ئاتېنا (ئافىنا) بېئوتىيە ۋە لوكرىس (Locris) نىڭ شەرقىدە بولۇپ، ئارىلىقىنى سۇ توراپ تۇرغانلىقتىن ئېۋبېيە دېڭىزى ياكى ئېۋرىپوس (Euripus) دەپ ئاتالغان. شىمالىي تېسالىيىنىڭ شەرقىي- جەنۇب قىسمىغا تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 180 كىلومېتر، ئەڭ كەڭ يېرى تەخمىنەن 65 كىلومېتر، ئەڭ تار يېرى 6 كىلومېتر كېلىدۇ. كۆلىمى 3654 كۋادرات كىلومېتر. چېگرىسى ئىچىدىكى ئوترىس (Othrys) تېغى دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 2195 مېتر كېلىدۇ. گومېرنىڭ تارىخىي داستانلىرىدا يىراق قەدىمكى زاماندىكى ئاھالىسى ئابانتېلار (Abantes) دېيىلگەن. بۇلار تراكىيىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. كېيىن بىر بۆلۈك ئىئونىيىلىكلەر كۆچۈپ كىرىپ (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)، ئاساسەن ئوتتۇرا قىسمىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئافېنالىقلار بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولغان. شىمالىدا ھىستايلار (Histiaei) ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇ يەر ھىستىيە (Histiaea) دەپ ئاتالغان. ئەڭ مەشھۇر شەھىرى غەربىي قىرغىقىدىكى كالكىس (Chalcis) ۋە ئېرېترىيە (Eretria) بولۇپ، ھەر ئىككىسى ئافىنانىڭ مۇستەملىكىسىدىن ئىبارەت. ئالدىنقىسى كالكىدىس (Chalcidice) يېرىم ئارىلى (ئېگېي دېڭىزىنىڭ شىمالى) ۋە ئىتالىيىدە (كوما Cumae) دا، كېيىنكىسى ماكىدونىيە ۋە ئىتالىيىدە بولۇپ، مۇستەملىكىچىلىك بىلەن كەڭ كۆلەمدە شۇغۇللانغان، ئۇلارنىڭ پورتلىرى ياخشى بولۇپ، دېڭىز سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا باب كېلەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋاملىق ھالدا ئېۋبېيىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تالاشقان. ئېرېترىيە كىچىك ئاسىيادىكى مىلېت قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ پېرسىيىگە قارشى قوزغىلىڭىنى قوللىغانلىقتىن، مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى پېرسىيە قوشۇنى يۇنانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ (مارافون جېڭىدىن بۇرۇن) ئۇنىڭ شەھىرىنى ۋەيران قىلىپ، كۆپلىگەن ئاھالىسىنى قۇل قىلىپ ساتقان. يۇنان- پېرسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن ئېۋبېيە ئارىلى ئافىناغا بېقىندى بولۇپ قالغان، ئافىنانىڭ زوراۋانلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، پېرىكلې تەرىپىدىن باستۇرۇلغان (مىلادىدىن 445 يىل ئلگىرى). ئېۋبېيە دېھقانچىلىق قىلىش ۋە چارۋا بېقىشقا قولاي بولۇپ، بۇ يەردىن ئۈزۈم، زەيتۇن كۆپ چىققاچقا، يۇنان ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا خېلى تەسىر كۆرسەتكەن (ئۇنىڭ كۈمۈش پۇلىنىڭ سېلىشتۇرما قىممىتى ئېگىنادىنيۇقىرىبولغان)، ئۇنىڭ ئۆلچەم تۈزۈمى ئىئونىيە رايونىغا كەڭ تارقالغان بولسىمۇ، سىياسىي جەھەتتە تەسىرى زور بولمىغان. مىلادىدىن 338 — 164يىل ئىلگىرىكى يىللىرى ماكىدونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. كېيىن رىمغا قوشۇۋېتىلىپ «ئاكاييا ئۆلكىسى» نىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇلغان. ھازىر گرېتسىيىگە تەۋە بولۇپ، ئېۋوئىيە (Evvoia) ئارىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئېۋرىپىدېس

  • ئېۋرىپىدېس[يەشمىسى:] (Euripides، مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 480 —406) يىل ئىلگىرى قەدىمكى يۇناننىڭ ئۈچ چوڭ تراگېدىيە يازغۇچىسىنىڭ بىرى. ئاقسۆڭەكلىكتىن كېلىپ چىققان. ئاتتىكا (ئافىنا) دىكى فليا (Phlya) دېگەن جايدا تۇغۇلغان؛ سالامى ئارىلىدا تۇغۇلغان دېگەن گەپمۇ بار. ياشلىق دەۋرىدە رەسىم سىزىش ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن، ئەينى ۋاقىتتا كەڭ تارقالغان ئاقىللار ئىدىيىۋى ئېقىمىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. سوكرات ۋە ئالكىبىئاد بىلەن دوست بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا (پېلوپوننېس ئۇرۇشىدىن كېيىن) ئافىنادىن ماكىدونىيىگە بېرىپ، ماكىدونىيە ئوردىسىدا ئۆلۈپ كەتكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 92 پارچە تراگېدىيە يازغان (70 نەچچە پارچە يازغان دېگەن گەپمۇ بار) بولۇپ، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغانلىرى «مېدېيە»، «ھېپپولىت»، «ترويالىق ئايال»، «ئاندروماخا»، «ئالكېستىدا»، «ئىفىگېنىيە ئولىستا»، «ھېراكلېسنىڭ ئەۋلادلىرى» قاتارلىق 18 پارچە تراگېدىيىسى ۋە «يەكچەشمە» دېگەن ھەجۋىي سەھنە ئەسەردىن ئىبارەت. ئەسەرلىرىدە ئاساسەن ئەپسانىلەردىكى ھېكايە تېما قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇسلۇبى جەھەتتە ئالدىنقى مەشھۇر ئىككى تراگېدىيە يازغۇچىسى (ئېسخىل ۋە سوفوكل) بىلەن ئوخشاشمايدۇ، ئۇ دائىم تەنقىدىي ئۇسۇل بىلەن ئەنئەنىگە ۋە تەڭرىگە بولغان گۇماننى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تېخىمۇ كۆپ ھالدا ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى، مەسىلەن: ئۇرۇش، شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي، باي- كەمبەغەللىك ئوتتۇرىسىدىكى پەرق؛ قۇللار، ئاياللارنىڭ ئورنى ۋە مەنتىق، ئەخلاق قاتارلىقلارنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئەدەبىي ئۇسلۇبى يۈكسەك، دىئالوگى تەبىئىي، پېرسوناژلارنىڭ ھېسسىياتى ۋە ئىچكى توقۇنۇشلىرىنى سۈرەتلەشكە ئالاھىدە ماھىر بولغان. ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرى «مېدېيە» دە بىر ئاددىي ئايالنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەرلەرنى ئېزىزلاپ، ئاياللارنى خارلاش خاھىشىنى پاش قىلغان؛ يازوننىڭ يېڭىسىنى تاپقاندا كونىسىدىن كەچكەنلىكىنى قامچىلاپ، ئايال باش قەھرىمان مېدېيىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلغان، بۇ روھىي ھالەت تەسىرلەنگەن مەشھۇر ئەسەر دەپ قارالغان. قەدىمكى يۇنان تراگېدىيە يازغۇچىلىرى ئىچىدە، ئېۋرىپىد رېئالىزمغا مايىل يازغۇچى بولۇپ، تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان (لېكىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئانچە كۆپ مۇكاپاتلانمىغان). ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ گۈللىنىشىدىن بۇيانقى ياۋروپا دراماتورگلىرىغا (شېكىسپېرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) زور تەسىر كۆرسەتكەن.

ئېۋكلىد

  • ئېۋكلىد[يەشمىسى:] (Eukleides ياكى Euclides ياكى Euclid، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 330 — 275) قەدىمكى يۇنان ماتېماتىكى. كەچۈرمىشلىرى ئېنىق ئەمەس. ئىسكەندەرىيە (مىسىر) شەھىرىدە تۇرۇپ قالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا پادىشاھ پتولېمېيⅠ گە ماتېماتىكا ئۆگەتكەن. ئىسكەندەرىيە ماتېماتىكا ئېقىمىنىڭ ئاساسچىسى، قەدىمكى يۇناننىڭ ماتېماتىكا، گېئومېترىيە ئىلمىنى مۇجەسسەملەشتۈرگۈچى، دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. ئاسترونومىيە، ئوپتىكا، مۇزىكىنىمۇ تەتقىق قىلغان. ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا تارقىلىپ كەلگەن ۋە كېيىنكىلەرگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئەسىرى «گېئومېترىيە ئاساسلىرى» (13 توم) بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپكى ئاكسىئوملاشتۇرۇلغان مەشھۇر ماتېماتىكا ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئالدىنقىلارنىڭ تەجرىبىسىنى يەكۈنلەپ، ئاكسىئوما ۋە پوستولاتنى چىقىش قىلىپ، دىدوكسىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق پلانىمېترىيىنى بايان قىلغان؛ بۇ ئەسەر ئۇزۇندىن بۇيان ئېلېمېنتار گېئومېترىيىنىڭ نۇسخىسى دەپ ھېسابلانماقتا. كېيىن ئىسكەندەرىيىلىك ماتېماتىك ھىپىسكل (Hypiscle، مىلادى Ⅱ ئەسىردىن كېيىن ئۆتكەن) «گېئومېترىيە ئاساسلىرى» نى تولۇقلاپ 14- ۋە 15- تومىنى يازغان. كۆپ خىل غەرب تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. جۇڭگودا دەسلەپتە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شۇي گۇاڭچى قاتارلىقلار (ئالدىنقى ئالتە تومىنى) خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ يەنە ئاسترونومىيىگە ئائىت ئەسەرلىرىمۇ بار.

ئېۋگېن

  • ئېۋگېن[يەشمىسى:] (Eugen Von Savoyen، 1663 — 1736) ئاۋسترىيە مارشالى. ياش ۋاقتىدا فرانسىيە ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن، 1683- يىلى ئاۋسترىيە ئارمىيىسىگە كىرىپ، تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ۋېنانى مۇھاسىرىدىن قۇتقۇزغان. 1689- يىلى ئىتالىيىدە تۇرۇشلۇق ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولۇپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. 1697- يىلى ۋېنگرىيىدە تۇرۇشلۇق ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالىي باش قوماندانى بولغان، شۇ يىلى 9- ئايدا تۈركىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغاچقا، گېنېراللىسسنمۇسلىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1703- يىلى ئوردا ھەربىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. ئىسپانىيە پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانسىيە ئارمىيىسى ۋە فرانسىيە- باۋارىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان ھەمدە فرانسىيە ئارمىيىسىنى ئىتالىيىدىن قوغلاپ چىقارغان. لېكىن 1712- يىلى فرانسىيە مارشالى ۋېللار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغان ھەمدە 1714- يىلى 3- ئايدا فرانسىيە بىلەن «راشتات سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. 1716—1718- يىللىرى ئاۋسترىيە- تۈركىيە ئۇرۇشىنى قوزغاپ، تۈركىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بېلگرادنى ئىشغال قىلغان ھەمدە تۈركىيىنى سۈلھ تۈزۈشكە مەجبۇرلاپ، تۈركىيىنىڭ ئاۋسترىيىگە، ۋېنگرىيىگە بولغان تەھدىتىنى تۈگەتكەن. يوسىفⅠ ۋە چارلېسⅥ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە، دىۋان مەھكىمىسىنىڭ ۋەزىرى بولۇپ، دۆلەت سىياسىتىنى تۈزۈشكە زور تەسىر كۆرسەتكەن، «تاجىسىز پادىشاھ» دېگەن نامىمۇ بار.

ئېۋگېن بېئاۋخارنا

  • ئېۋگېن بېئاۋخارنا[يەشمىسى:] (Eugene de Beauharnais، 1781— 1824). فرانسىيىلىك ھەربى، ئىتالىيە باش ۋالىيسى، ناپولېئوننىڭ ئاسراندى ئوغلى. ئۇنىڭ ئاتىسى، ۋىكونت ئالېكساندر بېئاۋخارنا ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرىسى دەۋرىدە ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئاپىسى يوسفىن 1796- يىلى ناپولېئون بىلەن توي قىلغان. ئېۋگېن ناپولېئون بىلەن بىللە ئىتالىيە، مىسىر قاتارلىق جايلاردىكى جەڭلەرگە قاتناشقان. ئۇنىڭ 1799- يىلى تۇمانلىق ئاينىڭ 18- كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوزغىشىغا ياردەملەشكەن. ئارقىدىنلا 1800- يىلىدىكى مارېنگو جېڭىگە قاتناشقان. 1804- يىلى گېنېراللىققا ئۆستۈرۈلگەن، ئىمپېرىيە شاھزادىسى بولغان، دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. 1805- يىلى ئىتالىيە باش ۋالىيسى بولۇپ، فرانسىيىنىڭ قانۇن تۈزۈمىنى يولغا قويغان. 1809- يىلىدىكى ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش، 1812- يىلىدىكى روسىيىگە قارشى ئۇرۇش ۋە 1813- يىلىدىكى گېرمانىيە جەڭلىرىدە خىزمەت كۆرسەتكەن. 1814- يىلىنىڭ باشلىرىدا ئىتالىيىدە ئاۋسترىيە ۋە نىئاپول ئارمىيىسىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن. ناپولېئون تەسلىم بولۇپ، ئۇرۇش توختىتىش شەرتنامىسىنى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ميۇنخېنغا بېرىپ، قېيىن ئاتىسى — باۋارىيە كورۇلىنىڭ ئوردىسىدا پاناھلىنىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى شۇ جايدا ئۆتكۈزگەن ئەسەرلىرىدىن: «ئەسلىمە» ۋە «خەت- چەكلەر توپلىمى» بار.

ئېۋىئان كېلىشىمى

  • ئېۋىئان كېلىشىمى[يەشمىسى:] «ئالجىرىيە- فرانسىيە كېلىشىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فرانسىيىنىڭ ئالجىرىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىق كېلىشىمى. 1962-يىل3- ئاينىڭ 18- كۈنى ئالجىرىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن فرانسىيە ھۆكۈمىتى فرانسىيىنىڭ شەرقىدىكى ئېۋىئان (Evian) شەھىرىدە ئىمزالىغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدا 1962-يىل3-ئاينىڭ 19- كۈنى سائەت 12 دىن باشلاپ ئالجىرىيىنىڭ پۈتۈن چېگرىسى بويىچە ئۇرۇش ئوتىنى توختىتىش؛ پۇقرالارنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىش بويىچە ئاۋاز بېرىشى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، فرانسىيە سەھرايى كەبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالجىرىيىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىكى ۋە تېررىتورىيە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش؛ فرانسىيە قوشۇنلىرى ئۈچ يىل ئىچىدە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىش، ئۇنىڭ ئالجىرىيىدىكى بەزى ھەربىي بازىلىرىنى ساقلاپ قېلىش؛ ئالجىرىيە- فرانسىيە مۇناسىۋىتىدە بىر- بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۈرمەت قىلىش، باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلىش، فرانسىيە شىركەتلىرى ئالجىرىيىدىكى نېفىتنى ئىجارىگە ئېلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش بەلگىلەنگەن. شۇ يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى ئالجىرىيە پۇقرالارنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىشى بويىچە ئاۋاز بېرىشنى ئۆتكۈزۈپ، 7- ئاينىڭ 3- كۈنى رەسمىي مۇستەقىللىك جاكارلاپ، فرانسىيىنىڭ ئالجىرىيىدە 132 يىل داۋام قىلغان مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەن.

ئېينىخارد

  • ئېينىخارد[يەشمىسى:] (Einhard ياكى Eginhard، تەخمىنەن 770 — 840) فرانك پادىشاھلىقىنىڭ بىئوگراف يازغۇچىسى، كارولىن خاندانلىقى «ئەدەبىيات- سەنئەت گۈللىنىشى» دەۋرىدىكى ۋەكىللىك ئەربابىنىڭ بىرى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن چىققان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا فولدا (Fulda) موناستىرىدا تەربىيە ئالغان، بىناكارلىقنى ئۆگەنگەن. مىلادى 794- يىلى ئىمپېراتور چارلېسنىڭ كاتىپى بولغان، كېيىن جامائەت قۇرۇلۇش ۋەزىرى بولغان. ئاچېن قاتارلىق جايلاردىكى چېركاۋ ۋە سارايلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا نازارەتچىلىك قىلغان. 806- يىلى رىمغا بارغان. 830- يىلىدىن كېيىن سېلىگېنىستاد (Selignstad، ھازىرقى فېدېراتىپ گېرمانىيىدىكى فرانكفورتنىڭ غەربىي جەنۇبى) دا تەركىدۇنيا بولغان، شۇنداقلا بۇ يەردە بىر موناستىر سالدۇرۇپ، ئۆمۈرۋايەت شۇ يەردە تۇرغان. رىم تارىخشۇناسى سۇئېتونىئۇسنىڭ قەلىمىگە تەقلىد قىلىپ «ئىمپېراتور چارلېسنىڭ تەرجىمىھالى» نى يېزىپ، ئىمپېراتور چارلېسنىڭ تۆھپىسىنى ئەسلىگەن ۋە ئۇنىڭغا بولغان ھۈرمىتىنى ئىزھار قىلغان. ۋەقەلىك روشەن بايان قىلىنغان، سۆزلىرى ناھايىتى قاملاشقان، ئىمپېراتور چارلېسنى ناھايىتى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن بايان قىلغان. 

ئېينىشتېين

  • ئېينىشتېين[يەشمىسى:] (Albert Einstein، 1879 — 1955) يەھۇدىي ئامېرىكىلىق فىزىك. گېرمانىيىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدە شۋېتسارىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن، 1913- يىلى گېرمانىيىگە قايتىپ، ۋىليام خان تەتقىقات يۇرتى فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1933- يىلى ناتسىستلار ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ، پرىنستون ئالىي ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ ئۆمۈرۋايەتلىك تەتقىقاتچىسى بولغان. 1940- يىلى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. 1905- يىلى تار مەنىدىكى نىسپىيلىكنى بەرپا قىلغان. 1916- يىلى كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىككە كېڭەيتكەن. شۇنىڭدەك بلانكىنىڭ كۋانت نەزەرىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان،بروئۇن ھەرىكىتىنى يېشىپ بەرگەن ۋە فوتۇن ئېففېكت قانۇنىنى تاپقان. 1921- يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. كېيىن نىسپىيلىك «بىرلىك مەيدانى نەزەرىيىسى» نى بەرپا قىلىپ، ئېلېكتر ماگنىت مەيدانى بىلەن تارتىش كۈچىنى بىرلىككە كەلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. نىسپىيلىك ئىدىيىسى ۋە ئۇسۇلى ھازىرقى زامان نەزەرىيىۋى فىزىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا دۇنيا تىنچلىقى يولىدا كۈچ چىقارغان.

ئېيزوئىت جەمئىيىتى

  • ئېيزوئىت جەمئىيىتى[يەشمىسى:] كاتولىك دىنىنىڭ ئاساسىي تەشكىلاتى (Religious Ordersand Congregations)نىڭ بىرى.1534-يىلى ئىسپانىيىلىك ئاقسۆڭەك لويولا تەرىپىدىن پارىژدا قۇرۇلغان. 1540- يىلى پاپا پاۋلۇس Ⅲ (PaulusⅢ، 1534 — 1549- يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ تەستىقلىشىغا ئىگە بولغان. دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشنى، كاتولىك دىنىنى يېڭىباشتىن جانلاندۇرۇشنى، پاپانىڭ نوپۇزىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان. تەشكىلات باشلىقى (نامى «گېنېرال») سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن، ئۆمۈر بويى ۋەزىپە ئۆتىگەن، دائىم رىمدا تۇرغان. تەشكىلاتتا قاتتىق ھەربىي خاراكتېردىكى ئىنتىزام ئورنىتىلغان بولۇپ، ئومۇمىي ئەزالىرى تەشكىلات باشلىقى ۋە پاپاغا تامامەن ئىتائەت قىلىشى، باشقۇرۇشقا بويسۇنۇشى لازىم ئىدى. ئەزالىرى ئادەتتە راھىبلار كىيىمىنى كىيمەيتتى، موناستىردا تۇرمايتتى، مەكتەپ، دوختۇرخانا ئېچىش، مەنسەپ ۋە ئوردا پوپلۇقىنى ئۈستىگە ئېلىش ئارقىلىق جەمئىيەت بىلەن كەڭ تۈردە ئۇچرىشىپ دىنىي تەشۋىقات پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى، ھەتتا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش، زەھەر سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشتىن باش تارتماي سىياسىي ساھەدىكى زاتلارغا تاقابىل تۇراتتى. فرانسىيە كورۇلى ھېنرىخ Ⅲ ۋە ھېنرىخ Ⅳ پروتېستانت (خوگنولار) غا قارىتا ئەپلىشىپ قېلىش سىياسىتىنى قوللانغانلىقتىن، ئېيزوئىت جەمئىيىتى ئەۋەتكەن قاتىل تەرىپىدىن سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. ⅩⅣ ئەسىردە ئېيزوئىت جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتى ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىگىچە كېڭەيگەن. 1610- يىلى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى پاراگۋايدا دۆلەت قۇرغان («ئېيزوئىت جەمئىيىتى دۆلىتى» گە قاراڭ). مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا ئېيزوئىتلاردىن ماتتېئورىككى، ئىئوخان شالل، فېردىناند ۋېربېست قاتارلىقلار جۇڭگوغا كېلىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ⅩⅧ ئەسىردە پورتۇگالىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1773- يىلى پاپا ئېيزوئىت جەمئىيىتىنى تارقىتىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان. لېكىن 1814- يىلى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئېيزوئىت جەمئىيىتى يەنە ئىقتىسادىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، غايەت زور بايلىق توپلىغان.

ئېيزىناخچىلار

  • ئېيزىناخچىلار[يەشمىسى:] يەنى «گېرمانىيە سوتسىيال- دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى».

ئېسئېسچىلار

  • ئېسئېسچىلار[يەشمىسى:] قىسقىچە نامى S S. ئەزالىرى قارا كىيىم كىيىدىغان بولغاچقا، قارا كىيىملىكلەر ئەترىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيە ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ئىشپىيونلۇق تەشكىلاتى ۋە ھەربىي تەشكىلاتى.1925-يىلى قۇرۇلغان. دەسلەپ گىتلېرنىڭ مۇھاپىزەتچى ئەترىتى ۋە سىياسىي رەقىبلىرىگە تاقابىل تۇرىدىغان قورالى بولۇپ، دائىرىسى ناھايىتى كىچىك (تەخمىنەن 200 كىشى)بولغان، شتورۇمچى ئەترەتكە تەۋە بولغان. 1929-يىلى 1-ئايدا گىتلېر ئۇنىڭغا گىملېرنى باشلىق قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇنى ھەدەپ تەرەققىي قىلدۇرغان. 1931-يىلى ئاخبارات-بىخەتەرلىك ئىدارىسى قۇرۇپ، ئىشپىيونلۇق ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. 1933-يىلى 1-ئايدا گىتلېر تەختكە چىققاندا، ئۇنىڭ ئادەم سانى 52 مىڭغا يەتكەن. 1934-يىلى 6-ئايدا گىتلېر ئۇنىڭغا تايىنىپ شتورۇمچى ئەترەتنى تازىلىغان ھەم ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. ئۇ مەخپىي ساقچى (يەنى گېستاپو)، «ئىسكلىت» قوشۇن (لاگېرلارغا قاراشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئىسكلىتنى بەلگە قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان)،قوراللىق ئېسئېسچىلار (ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ، كېيىن كېڭىيىپ 35 دىۋىزىيە، 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە يەتكەن)نى بىر تۇتاش باشقۇرغان. فاشىستىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا بىۋاسىتە قاتناشقاندىن باشقا، كوممۇنىستلارغا، دېموكراتىك تەرەققىيپەرۋەر زاتلارغا، يەھۇدىيلارغا، ئىشغالىيەت رايونىدىكى ئاھالىگە ۋە ئەسىرلەرگە دەھشەتلىك ۋاسىتىلەر بىلەن زىيانكەشلىك قىلغان ھەم ئۇلارنى قىرغان. 1946-يىلى نىيورىنبېرگ خەلقئارا ھەربىي سوتتا جىنايى تەشكىلات دەپ جاكارلانغان. 

ئېگمونت

  • ئېگمونت[يەشمىسى:]Lamoraal graaf Van Egmont، 1522 — 1568) نىدېرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ئاقسۆڭەك مۆتىدىللەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅱ ۋاقتىدا قوشۇن باشلاپ فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، غەلىبە قىلىپ، بارا-بارا داڭق چىقارغان. كېيىن ئىسپانىيىنىڭ نىدېرلاندىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا قارشى تۇرغان. 1564 — 1565-يىللىرى ئىسپانىيىگە بېرىپ بىدئەتلەرنى سوتلاش ئورنىنىڭ پائالىيىتىنى پەسەيتىشنى تەلەپ قىلغان. 1566-يىلقى بۇتلارنى بۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. لېكىن كۆپ ئۆتمەيلا ئىسپانىيە دائىرىلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلغان. باش ۋالىي ئالبا نىدېرلاندىيىدە تېررور ھاكىمىيەت ئورناتقاندىن كېيىن، 1568يىل 6ئاينىڭ 5-كۈنى بىريۇسسېلدا ئۆلتۈرۈلگەن. گېرمانىيىلىك شائىر ھەم يازغۇچى گىيۇتى شۇنى تېما قىلىپ تراگېدىيە «ئېگمونت» نى يازغان.

ئېۋكسېئىن دېڭىزى

  • ئېۋكسېئىن دېڭىزى[يەشمىسى:]Pontus Euxeinos ياكى Pontus Euxinus) قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ ھازىرقى قارا دېڭىزنى ئاتىشى بولۇپ، «مېھماندوست دېڭىز» دېگەن مەنىدە. قەدىمكى يۇنانلىقلار خېلى بۇرۇنلا قارا دېڭىز بىلەن تونۇشقان. ئۇلار دەسلەپ قارا دېڭىزنى ئاكسېئىن دېڭىزى (Pontos Axeinos) دەپ ئاتىغان. بۇ، «پىخسىق دېڭىز» دېگەن مەنىدە ئىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ - Ⅷ ئەسىرلەردە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى، دېڭىزچىلىق تېخنىكىسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن گرېتسىيىنىڭ ئېگېي دېڭىزى بىلەن قارا دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى سۇ يولى ئېچىلغان، ھەرقايسى شەھەرلەر، ئالدى بىلەن كىچىك ئاسىيادىكى مىلېت قاتارلىق شەھەرلەر بەس-بەس بىلەن قارا دېڭىز بويلىرىدا كولونىيە (كۆچمەنلەر رايونى) لەرنى بەرپا قىلغان. قارا دېڭىزمۇ «پىخسىق دېڭىز» دىن ئۆزگىرىپ پەيدىنپەي «مېھماندوست دېڭىز» غا ئايلانغان. ئاكسېئىننىڭ ئورنىنى ئېۋكسېئىن ئالغان. بۇ ئىش قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش جەريانىنى ئانچە-مۇنچە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. 