م🔗

م

مابلى

مەملىكەتلىك ئەمگەكچىلەر ئىتتىپاقى

مەملىكەتلىك بىر تەرەپ تەرەققىيپەرۋەرلەر ئىتتىپاقى

مەملىكەتلىك رەڭلىك ئىرقلار تەڭ ئىلگىرىلەش جەمئىيىتى

مەملىكەتلىك سانائەتنى گۈللەندۈرۈش قانۇنى

مەملىكەتلىك سىياسىي بىرلەشمە

مەملىكەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىش كومىتېتى

مەملىكەتلىك ئىسلاھات ئىتتىپاقى

مەملىكەتلىك ئىشچىلار مۇناسىۋىتى قانۇنى

مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئىتتىپاقى

مەملىكەتلىك ياشلار مەھكىمىسى

مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىكىنى قوغدىغۇچىلار جەمئىيىتى

مەمۇن

مەنسۇر

مەنگۇ سۇلالىسى

مەنئى قىلىنغان يىل تۈزۈمى

مەھدى مەزھىپى

مەھكىمە ئەسكەرلىرى

مەھكىمە ھاكىمىيىتى

مەۋلىۋى ئەخمەد

مەيۋاندۋال

مرگاداۋا

مككارران قانۇن لايىھىسى

مكماستېر

مكۋاۋا

موپاسسان

موپلاھ قوزغىلىڭى

موتازىلە مەزھىپى

موتسۇبې جەمەتى

موتلېي

موجمىرⅠ

موجېڭ

موخاچ جېڭى

مودېل پارلامېنت

مورتىللېت

مورز

مورسكولار

مورگان

مورو

مورېلوس

مورېللي

مورلېي-مىنتو ئىسلاھاتى

مورى ئاكىمى

موزارت

موست

موسسادېگ

موسكۋا باياناتى

موسكۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى

موسكۋا خىتابنامىسى

موسكۋا قوزغىلىڭى

موسكۋا كىنەزلىكى

موسكۋا ئۇرۇشى

موشوشوⅠ

موغۇل ئىمپېرىيىسى

موقەننا

موقەننا قوزغىلىڭى

موگادىسكو دۆلىتى

مول

مولتكې

مولدوۋا كىنەزلىكى

موللېر

مورىس

موللېت

مولليېن

مولودسوۋ ئىش تاشلىشى

مومسېن

مومىئې

موناستىر

موناستىرلار ئىتتىپاقى

مونتاگۇ-چېلمسفورد دوكلاتى

مونتاگۇ خىتابنامىسى

مونتالۋو

مونتانېللى

مونترېئۇكس ئەھدىنامىسى

مونتگومېرى

مونتې ئالبان

مونتېسسورى

مونتېسكيۇ

مونتېك

مونتېلىئۇس

مونتېنېگرودىكى كەچلىك ئىبادەت

مونتېۋىدېئو شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۇرۇشى

مونتېۋىدېئو خىتابنامىسى

مونرو

مونرونىزم

مونود

مونومۇتاپا پادىشاھلىقى

مونمۇ ئۇسېئائائۇ

موننېت

مونىز

موھەممەد

موھېنجۇ-دارو

موئورلار

موئۇنتباتتېن

موئۇنتباتتېن لايىھىسى

مائاش يېرى تۈزۈمى

مۇئاۋىيە

مۇجاھىدلار تەشكىلاتى

مۇتلەق يىللار ۋە نىسپىي يىللار

مۇختارىيەت پارتىيىسى

مۇدىڭيۇڭ

مۇرابىت دۆلىتى

مۇرابىت خاندانلىقى

مۇرات

مۇراتⅠ

مۇراتⅡ

مۇراتورى

مۇرا ئوكاتسۇنېتسۇگا

مۇراۋىيۇ-ئاپوستول

مۇراۋىيىۋ

مۇرايىۋ-ئامۇرىسكى

مۇرائى

مۇرراي

مۇرگۇ

مۇرىس

مۇز ئۈستىدىكى شىددەتلىك جەڭ

مۇزىكىشۇناسلىق قائىدىلىرى

مۇسا

مۇسا

مۇسا

مۇستافا نەيما

مۇستەقىلچىلەر

مۇستەقىل رادىكاللار پارتىيىسى

مۇستەقىل لىبورىستلار پارتىيىسى

مۇستەقىللىك پارتىيىسى

مۇستەقىللىك جەمئىيىتى

مۇستەقىللىك خىتابنامىسى

مۇستېر مەدەنىيىتى

مۇسكېنۇم Muskenum

مۇسسو

مۇسسولىن

مۇسۇلمان

مۇسىياكوزى سانېئاپو

مۇقەددەس پادىشاھ

مۇقەددەس جەمئىيەت

مۇقەددەس دىنىي جەمئىيەت

مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى

مۇقەددەس سوفىيە ئىبادەتخانىسى

مۇقەددەس قەدەھ گۇرۇھى

مۇقەددەس قەسىر رىتسارلار پولكى

مۇقەددەس ھەيكەلنى بۇزۇش ھەرىكىتى

مۇقەددەس ئىتتىپاق

مۇقەددەس ئىش

مۇقەننا قوزغىلىڭى

مۇلاتو

مۇللېر

مۇلۈك

مۇمكىنچىلەر

مۇميا

مونارخىيىلىك تۈزۈم

مۇنارسىمان ئىبادەتخانا

مۇنبەت توپا دۆۋىسى مەدەنىيىتى

مۇنبەت يەر — ھىلال ئاي

مۇنبەت يەر — ھىلال ئاي پىلانى

مۇنبەر سوتسىيالىزمى

مۇنەججىملىك

مۇنخېنگرىس كېلىشىمى

مۇنك

مۇھەممەد ئەلى

مۇھەممەد ئەھمەد

مۇھەممەدⅡ

مۇھەممەدⅡ(مەھمۇد)

مۇھەممەدⅤ

مۇھەممەدⅥ

مۇھەممەد پەيغەمبەر

مۇھەممەد تۇرې

مۇھەممەد مەھدى

مۇھەممەد موكرانى قوزغىلىڭى

مۇۋاتتال

مۇۋاھىد خاندانلىقى

مۆتىۋەرلەر مەزھىپى

مۆتىۋەرلەر ھەرىكىتى

مۆھۈرلۈك پاراخوت

مۈلۈكدارلار مۇستەملىكىسى

مۈلۈكچىلىك

مېتتېرنى

مېتتېرنى تۈزۈمى

مېتودىئۇس

مېتېرلىنك

مېتېڭنىڭ تەرجىمىھالى

مېتېلۇس

مېتېمما جېڭى

مېدېيە

مېدىچ

مېدىچ جەمەتى

مېتىس تەسلىمى

مېدىيە

مېرسېن پەرمانى

مېرسېن شەرتنامىسى

مېركانتىلىزم

مېركانتىنى

مېروۋې خاندانلىقى

مېروئې

مېرىڭ

مېرىمدې مەدەنىيىتى

مېرىنا پادىشاھلىقى

مېستا

مېسسېن مارك

مېسسېنىيە ئۇرۇشى

مېستىزو

مېسوپوتامىيە

مېشۇئېن شەرتنامىسى

مېكسىكىغا يۈرۈش قىلىش

مېكسىكىنىڭ 1910 — 1917-يىللاردىكى ئىنقىلابى

مېكلېنبۇرگ كىنەزلىكى

مېگارا

مېگاستېن

مېڭچۇاڭ سۇشى(ئېمىمادوتسۇكانېئىۋا)

مېلانچتون

مېللا

مېللون

مېلليېر

مېلۋىل

مېمفىس

مېموراندۇم ھەرىكىتى

مېنا

مېناندر

مېندېس-فرانسې

مېندېلېيېۋ

مېندىزابال

مېنشېۋىك

مېنشېۋېزم

مېشىكوۋ

مېنكاۋرې

مېنون

مېنۇس

مېنېلائوس

مېنېلىكⅡ

مېنتانا جېڭى

مېنىڭ كۈرەشلىرىم

مېھنەتكەش ئىشچىلار ئىتتىپاقى

مېئېرۇت سود دېلوسى

مېخاساندا

مېنېكې

مېيجى ئاساسىي قانۇنى

مېيجى تېننو

مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى ⅪⅩ

مېينۇڭ بۇداجى (مىنوتونوتاتسۇكىچى)

مېيېر

مېيېرخوف

مىئائۇلىس

مىيتاكا ۋەقەسى

مېتال قوراللار بىلەن تاش قوراللار بىرلىكتە ئىشلىتىلگەن دەۋر

مىتان

مىترا

مىتسۇبىشى مالىيە زومىگىرى

مىتسۇي مالىيە زومىگىرى

مىتو ئىلمى

مىتىرى

مىتىرىداتⅠ

مىترىداتⅥ

مىچۇرىن

مىخائېلⅢ

مىخائېل Ⅷ (پالېئولوگ)

مىخائىل فېدوروۋىچ

مىخائىلوⅢ

مىخائىلوۋىچ

مىخاي (جاسارەتلىك)

مىخاي تانچىچ

مىخايلوۋسكىي

مىخىراگۇلا

مىداس

مىدھەت

مىدۋېي ئارىلى ئۇرۇشى

مىر

مىرابۇ

مىراندا

مىرزا تاجىخان

مىرجافار

مىرخاۋەند

مىر قاسىم

مىركا

مىرون

مىژرايونچىلار

مىسترال

مىسسىسىپى مەدەنىيىتى

مىسسۇرى مۇرەسسە قانۇن لايىھىسى

مىسقەۋىي

مىس قورال دەۋرى

مىسكيېۋىچ

مىسىر Misr

مىسىر (قەدىمكى زامان)

مىسىر ئەركىن ئوفىتسېرلار تەشكىلاتى

مىسىرشۇناسلىق

مىسىر قەمەرىيە كالېندارى

مىسىرنىڭ 1919 — 1921-يىللاردىكى ئەنگلىيىگە قارشى ھەرىكىتى

مىسىر ئېروگېلېفى

ئىزاھى

مابلى

  • مابلى[يەشمىسى:]Gabiriel Bonnotde Mably، 1709 — 1785) فرانسىيەلىك سىياسىي مۇتەپپەككۇر، خىيالىي كوممۇنىزىمچى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. روھانى خىزمەت ۋە دىپلوماتىيە پائالىيىتى بىلەن شوغۇللانغان. كېيىن مەخسۇس ئىلمىي ئەسەر يېزىش بىلەن شوغۇللانغان. ئۇ تەبئى ھوقۇق تەلىماتى ۋە ئىجتىمائىي كېلىشىم نەزەرىيىسىنى ئاساس قىلىپ، خوسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە ئويغۇن ئەمەس، ئۇ جىمىكى بالايى-ئاپەتنىڭ مەنبەسى؛ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، يەرگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلغان، خوسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇنى بوزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان؛ پەقەت ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكلا ئىنسانلارنى بەخت-سائەدەتكە ئىگە قىلالايدۇ، لېكىن شەخسىي ئارزونىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىككە قايتىشى مۇمكىن ئەمەس، بىردىن-بىر چارە شۇكى، خوسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى يوقاتماي تۇرۇپ، باراۋەرلىكنى ئىمكانقەدەر ئىشقا ئاشۇرۇش، يەنى ئىھتېياجى چەكلەپ، ئەيشى-ئىشرەتكە بېرىلىشنى مەنئىي قىلىپ، چەك قويولىدىغان يەر قانۇنىي ۋە ۋارىسلىق قانۇنىي يولغا قويۇش كېرەك دەپ ھېسابلىغان، ئۇنىڭ ئالىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى گەۋدىلەندۈرگۈچى-خەلق، خەلق ھەتتا ھازىرقى ھاكىمىيەتنى زوراۋانلىق كۈچ بىلەن ئاغدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق دېگەن نوقتىنەزىرى فرانسىيىنىڭ كېيىنكى زور ئىنقىلابىغا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈش رولىنى ئوينىغان. «تەبىئى تەرتىپ ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوئال»، «قانۇن چىقىرىش ياكى قانۇنىي پىرىنسىپ توغرىسىدا» دېگەن ئەسەرلىرى بار.

مەملىكەتلىك ئەمگەكچىلەر ئىتتىپاقى

  • مەملىكەتلىك ئەمگەكچىلەر ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] ئىسپانىيىدىكى مەملىكەتلىك بىرلىككە كەلگەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى تەشكىلاتى 1888-يىلى سوتسىيالىزمچىلارنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەزالىرى پەقەت 15 مىڭ كىشى بولۇپ، 1936 — 1939-يىللىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە كۆپىيىپ 2 مىليون كىشى ئۆپچۆرىسىگە يەتكەن. ئىتتىپاق ئىشچىلارنى سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمى، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىش ۋە ئىجتىمائىي قانۇن ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئۇيۇشتۇرغان. ئىشچىلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان. 1917-يىلى 8-ئايدا ئومۇمىي سىياسىي ئىش تاشلاشقا ئۇيۇشتۇرغان. 1923 — 1929-يىللىرى ئىسلاھاتچى رەھبەرلىرى پرمودې رىۋېرا مۇستەبىت ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان. مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىتتىپاق مۇنارخىيىلىك تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرۈشىگە ئاتلانغان. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىتتىپاق خەلق سېپىگە قاتناشقان. فرانكو مۇستەبىت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ پائالىيىتى مەنئى قىلىنغان. ئىتتىپاق رەھبەرلىرى كېيىن فرانسىيىدە مەملىكەتلىك ئەمگەكچى مۇساپىرلار ئىتتىپاقى» نى قۇرغان.

مەملىكەتلىك بىر تەرەپ تەرەققىيپەرۋەرلەر ئىتتىپاقى

  • مەملىكەتلىك بىر تەرەپ تەرەققىيپەرۋەرلەر ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] گرېتسىيە پارتىيىسى. 1949-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان. لىبېرالىستلار پارتىيىسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان پارتىيە ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان. رەھبىرىي گېنېرال ئىلاستىراس (NiCholas Plastiras، 1883 — 1953). 1951 — 1952-يىللىرى لىبېرالىستلار پارتىيىسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، ھاكىمىيەت تۈزگەن. 1952-يىلى چوڭ سايلامدا يېڭىلگەن. 1953-يىلى پىلاستىراس ۋاپات بولۇپ، بۇ ئىتتىپاق بۆلۈنۈپ كېتىپ، پاپا پولتىس (Papapolitis) باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇھ يەنىلا بۇ ئىتتىپاقنىڭ نامىنى ساقلاپ قالغان. 1956-يىلى دېموكراتلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 1958-يىلى 11-ئايدىكى چوڭ سايلامدا، تەرەققىيپەرۋەر دېموكراتىك دېھقانلار ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلاشقان.1961-يىلى پاپاندرېئو (Georgios Papandreou، 1888 — 1968) قۇرغان بىتەرەپ گۇرۇھلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان.

مەملىكەتلىك رەڭلىك ئىرقلار تەڭ ئىلگىرىلەش جەمئىيىتى

  • مەملىكەتلىك رەڭلىك ئىرقلار تەڭ ئىلگىرىلەش جەمئىيىتى[يەشمىسى:] ئامېرىكىدىكى نېگىرلار ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ تەشكىلات. 1910-يىلى 60 نېگىر ۋە ئاق تەنلىك زىيالىنىڭ تەشەببۇسى ئارقىسىدا قۇرۇلغان. ئامېرىكىلىق نېگىر ئالىم دوبويىس تەشۋىقات ۋە تەتقىقات بۆلۈمى باشلىقى بولغان. قانۇنىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىرقچىلىق ۋە خۇسۇسىي جازاغا قارشى تۇرۇپ، ئىرقىي باراۋەرلىكنى، ئايرىۋېتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى، نېگىرلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان. ئىرقىي ھوقۇققا ئالاقىدار بولغان ئەرز- دەۋا دېلولىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلىگەن. 50-يىللاردىن كېيىن، مەملىكەت خاراكتېرلىك جەمئىيەتكە ئايلانغان. 1975-يىلى 50 شتاتتىكى 1555 يەرلىك ئورۇندا 430 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بولغان. باش شتابى نيۇ-يوركتا تەسىس قىلىنغان. ۋاشىنگتون، ئاتلانتا، داللاس ۋە سان-فرانسىسكودا ئىش بېجىرىش ئورگىنى قۇرغان. ئايلىق ژۇرنال — «كرىزىس» نى نەشىر قىلغان.

مەملىكەتلىك سانائەتنى گۈللەندۈرۈش قانۇنى

  • مەملىكەتلىك سانائەتنى گۈللەندۈرۈش قانۇنى[يەشمىسى:]ئامېرىكىنىڭ «يېڭى سىياسەت» مەزگىلىدىكى ئاساسلىق قانۇن لايىھىسى. 1933-يىلى روزۋېلت زۇڭتۇڭ مالىيە پۇل مۇئامىلىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەڭشىگەندىن كېيىن، مونوپول كاپىتال ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى تىزگىنلىمەكچى ۋە تەرتىپكە سالماقچى بولغان. قارىغۇلارچە رىقابەتلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتى ۋە يېتەكچىلىكى ئاستىدا، «ئادىل رىقابەتلىشىش» ئارقىلىق سانائەت تارماقلىرىنى ئۆزى ئۆزىنى تەرتىپكە سېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، پارلامېنت قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت مەملىكەتلىك گۈللەندۈرۈشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. سانائەت تارماقلىرى مەسلىھەت كومىتېتى قۇرۇپ، قاتناشقان ئورۇنلار رىئايە قىلىشى شەرت بولغان «ئادىل رىقابەتلىشىش قانۇنى» نى تۈزۈپ چىقىپ، تەستىقلانغاندىن كېيىن تارماقلار ئوتتۇرىسىدا مۇشۇنى ئاساس قىلىپ رىقابەتنى قانات يايدۇرۇشنى بەلگىلىگەن، زۇڭتوڭمۇ سانائەت قانۇنى تۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. كاپىتالىست تەرەپ «ئادىل رىقابەتلىشىش قانۇنى» ياكى كېلىشىمگە ئاساسەن قوللانغان ھەرىكەت «شېرىمان ترېستقا قارشى قانۇنى» نىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان بولغان. ئىشچىلار بىلەن كاپىتالىستلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش ئۈچۈن، ئىشچىلارنىڭ تەشكىللىنىش ھوقۇقى بولۇش ھەمدە ۋەكىل ئەۋەتىپ كاپىتالىستلار بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش؛ ياللىغۇچىنىڭ ئىشچىلارنى شېركەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىشىغا مەجبۇرلىشىغا ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تاللىۋالغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىغا قاتنىشىشىنى چەكلىشىگە يول قويماسلىق؛ ياللىغۇچى ئەڭ يۇقىرى ئىش ۋاقتى ۋە ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىش، مەملىكەتلىك ئىشچىلار مۇناسىۋىتى ئىدارىسى تەسىس قىلىش بەلگىلەنگەن. كۆك بۈركۈت سانائەتنى گۈللەندۈرۈش قانۇنىنىڭ بەلگىسى قىلىنغان. بىر يېرىم يىلدىن كېيىن «ئادىل رىقابەت قانۇنى» دىن 750 ى بارلىققا كەلگەن، قاتناشقان كارخانىلار ياللىغان ئىشچىلار 22 مىليونغا يەتكەن. قانۇن لاھىيىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولۇپ، چوڭ كاپىتالىستلار كۆپرەك پايدىغا ئىگە بولغان. لېكىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىغان ۋە رەھىمسىز رىقابەتلىشىدىن ئەھۋاللار يەنىلا داۋاملىق مەيدانغا كېلىپ تۇرغان. 1934-يىلى 2-ئايدا ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان مەملىكەتلىك گۈللەندۈرۈش تەپتىش ئىدارىسى گۈللەندۈرۈش قانۇنىنى مونوپوللاشتۇرۇشقا ۋە كانسىرېنلاشتۇرۇشقا ئىلھام بەرگەن، ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلارغا زىيان يەتكۈزگەن دەپ قارىغان. 1935-يىلى 6-ئايدا، ئالىي سوت گۈللىنىش قانۇنى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ دەپ ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنى ئىجرا قىلىشنى توختاتقان.

مەملىكەتلىك سىياسىي بىرلەشمە

  • مەملىكەتلىك سىياسىي بىرلەشمە[يەشمىسى:] ئەنگلىيىنىڭ 1832-يىلىدىكى پارلامېنت ئىسلاھاتىدىكى سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ سىياسىي تەشكىلاتى. 1830-يىلنىڭ باشلىرىدا بىرمىنھام، لوندون قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئىلگىرى-كېيىن قۇرۇلغان. بىر مىنھامدا راسا جانلىنىپ كەتكەن. رەھبەرلىرى بىرمىنھاملىق بانكېر ئاتېۋدېئو ۋە لوندونلۇق كىيىم تىكىش ئىشخانىسى خوجايىنى فرانسىس پولېس قاتارلىقلار. بۇ بىرلەشمە باج-سېلىق تاپشۇرۇشقا قارشى تۇرۇشى ۋە بانكىدىن ئامانەت پۇللىرىنى ئۇشتۇمتۇت كۆپلەپ ئېلىش ئارقىلىق ئىسلاھاتقا قارشى تۇرغۇچىلارغا تەھدىت سالغان. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ئىچكى ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋەزىرى جون رۇسسۋېل(Lord John Russell، 1792 — 1878) ۋە باشقا خۇيگ پارتىيىسى كابىنېت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. كۆلىمى غايەت زور بولغان ئاممىۋى يىغىن ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، پارلامېنت ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەملىكەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىش كومىتېتى

  • مەملىكەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىش كومىتېتى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانسىيىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى. 1943-يىلى 5-ئايدا مەملىكەت ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان پارتىيە-گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە مەزھەپلەردىن تەركىب تاپقان ھەمدە دې گۈلل ئەۋەتكەن ۋان مۇرائىن رەئىسى بولغان. 1944-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى خىتابنامە ئېلان قىلغان. ئاساسلىق مەزمۇنى: مىللەتنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش، خائىنلارنى جازالاش، مونوپول كارخانىلارنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈش ۋە ئىشچىلار كارخانا باشقۇرۇشقا قاتنىشىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى قوراللىق كۈچلەر كېيىن ئىچكى رايونلار قوشۇنىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ، فرانسىيىنى ئازاد قىلىش جەريانىدا ناھايىتى زور رول ئوينىغان.

مەملىكەتلىك ئىسلاھات ئىتتىپاقى

  • مەملىكەتلىك ئىسلاھات ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] ئەنگلىيىدە ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق پارلامېنت ئىسلاھاتى مەزگىلىدە قۇرۇلغان، ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئاممىۋى تەشكىلات. 1865 — 1869-يىللىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. ئەزالىرى ئىشچىلاردىن باشقا ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى ياقلايدىغان بۇرژۇئا رادىكاللىرى بولۇپ، ئىشچىلار سىنىپى بىلەن پارلامېنت ئىسلاھاتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان بۇرژۇئا رادىكاللىرىنىڭ ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت. ماركىسزم تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، ياچېيكىلىرى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سايلام ئىسلاھاتى ھەرىكىتى ئۈچۈن كەڭ تەرغىبات خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.

مەملىكەتلىك ئىشچىلار مۇناسىۋىتى قانۇنى

  • مەملىكەتلىك ئىشچىلار مۇناسىۋىتى قانۇنى[يەشمىسى:]ئامېرىكىنىڭ يېڭى سىياسەت»مەزگىلىدىكى تۈپ قانۇنلىرىنىڭ بىرى. پارلامېنت ئەزاسى ۋاگنېر (Robert Ferdinand Wagner، 1877 — 1935) ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن، يەنە «ۋاگنېر قانۇن لايىھىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1935-يىلى 7-ئايدا ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن ھۆكۈمەت مەملىكەتلىك ئىشچىلار مۇناسىۋىتى ئىدارىسى تەسىس قىلغان، ئۇنىڭ ئەزالىرى ئالتە كارخانا ئىگىلىرى ۋەكىلى ۋە ئالتە ئىشچىلار ۋەكىلىدىن تەركىپ تاپقان. قانۇن لايىھىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: ياللىغۇچى ئىشچىلارنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇشىغا ئارىلاشماسلىق، ئىشچىلار بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى، ھەرقانداق ئۇسۇل قوللىنىپ ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشىنى چەكلىمەسلىكى لازىم. شېركەت ياكى ياللىغۇچى ماددىي ياردەم بەرگەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بۇ ھوقۇقتىن بەھرىمان بولمايدۇ. ياللىغۇچىلارنىڭ ئىشچىلارغا زاۋۇتنى تاقاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تاقابىل تۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، بۇ قانۇننى ئاساس قىلىپ ئەرز-شىكايەت قىلغان ۋە دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىن ئەتكەن ئىشچىلارنى كەمسىتىشكە ياكى بوشىتىشقا بولمايدۇ، دېگەنلەردىن ئىبارەت. 1947-يىلى مەزكۇر قانۇن لايىھىسى 81-نۆۋەتلىك پارلامېنت تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان.

مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئىتتىپاقى

  • مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] «مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. 1866-يىلى ئامېرىكىدا قۇرۇلغان شەھەر ۋە يەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى. رەھبىرى سىلۋىس (W.H.Sylvis 1828 — 1869) قېلىپساز ئىدى. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرىدىن باشقا، بەزى ئىجتىمائىي ئىسلاھات تەشكىلاتلىرىمۇ ئەزا بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەزاسى 640 مىڭ كىشىگە يەتكەن. دەسلىپىدە پروگراممىسى سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى تەلەپ قىلىش، ئەر-ئاياللارنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ھەمكارلىقى كوپىراتىپلىرىنى قۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان. رەھبەرلىرى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى لاسسالچىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئىشچىلار بىلەن كاپىتالىستلارنىڭ ماجراسىنى سۆھبەت ياكى ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەكىتلىگەن. ئىش تاشلاش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ كۈرەش قىلىشنى تەشەببۇس قىلمىغان. كېيىنكى مەزگىللەردە، سايلام بېلىتىنى قولغا كەلتۈرۈش پارلامېنتىنى ئارتۇقچە تەكىتلەپ، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ سىياسىي كۈرەشلىرىگە قاتناشقان. 1870-يىلىدىن كېيىن تەشكىلات بۆلۈنۈپ كەتكەن، 1872-يىلى پارچىلىنىپ كەتكەن.

مەملىكەتلىك ياشلار مەھكىمىسى

  • مەملىكەتلىك ياشلار مەھكىمىسى[يەشمىسى:] 1933-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلت كۆپلىگەن ئىشسىز ياشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن قۇرغان تەشكىلات. خەلق خىزمەت قوشۇنىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغانلىقتىن «خەلق ماددىي بايلىقلىرىنى ئاسراش قوشۇنى» دەپمۇ ئاتالغان. ئاساسلىقى: كۆۋرۈك ياساش، يول ياساش، ياغاچ كېسىش، دەرەخ تىكىش، سۇ ئىنشائاتى، بىناكارلىق قاتارلىق قۇرۇلۇش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئازغىنە ئىش ھەققى بېرىلگەن. بىرىنچى يىلى 350 مىڭ ياش ۋە ئوتتۇرا ئەمگەككە قاتناشتۇرغان. 1943-يىلىدىن كېيىن، خىزمەت قوشۇنى يېرىم ھەربىي خاراكتېرلىك تەشكىلاتقا ئۆزگەرتىلىپ، ھۆكۈمەت قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىنى قوماندانلىق قىلىشقا تەيىنلىگەن. ئەمگەك قىلىشتىن باشقا ھەربىي مەشق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ئىلگىرى-كېيىن 2 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قوبۇل قىلىنغان.

مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىكىنى قوغدىغۇچىلار جەمئىيىتى

  • مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىكىنى قوغدىغۇچىلار جەمئىيىتى[يەشمىسى:] «گرانكى ھەرىكىتى» دە قارالسۇن.

مەمۇن

  • مەمۇن[يەشمىسى:]al Mamun، 786 — 833) ئەرەب ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى (813— 833) ھارۇننىڭ ئوغلى. خوراساننىڭ باش ۋالىيسى بولۇپ، ئىمپېرىيىنىڭ شەرقىي قىسمىنى باشقۇرغان. مىلادى 810 — 813-يىللاردا، ئۇدا ئۈچ يىل ئىچكى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئۆز ئاكىسى خەلىپە ئامىن (al Amin، 809 — 813-يىللاردا تەختتە تۇرغان) نى مەغلۇپ قىلىپ خەلىپە بولغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە ئەزەربەيجاندىكى بابەك (Babak) قوزغىلىڭىنى باستۇرماقچى بولغان. لېكىن ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. شىئە مەزھىپىدىكىلەرنى ئۆزىگە تارتىش سىياسىتىنى قوللانغان. ئىلىم-پەننى قوغداپ، ئىلىمنى مۇكاپاتلىغان، ۋىزانتىيىگە بېرىپ، گرېتسىيىنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرىنى توپلاشقا ئادەم ئەۋەتكەن ھەمدە گرېتسىە، پروسىيە ۋە ھىندىستاننىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا ئۇيۇشتۇرغان، 830-يىلى باغداتتا كۇتۇپخانا، مۇنەججىملىك ۋە تەھرىرلەش-تەرجىمە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئەقىل-پاراسەت يۇرتى» دېگەن ئۇنىۋېرسال ئورگاننى تەسىس قىلغان. مۇتازىلچىلارغا ئېتىقات قىلىپ، ئۇنى دۆلەت دىنى دەپ تۇرغۇزغان. كېيىن كىچىك ئاسىيادىكى بىر جەڭدە ئۆلۈپ كەتكەن.

مەنسۇر

  • مەنسۇر[يەشمىسى:]Mansuяal، 707 — 775)، ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى (754 — 775). ئەسلى نامى ئەبۇ جاپپار (jafarabu)بولسىمۇ، ئۆزىنى مەنسۇر («غالىب» دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىۋالغان. مىلادى 754-يىلى ئاكىسى ئەبۇل ئابباسنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ خەلىپە بولغان ۋە خەلىپىلىك ئورنىنى تالاشقان تاغىسى (سۈرىيە باش ۋالىيسى) نى يەڭگەن. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ھوقۇق-كۈچى بەك ئېشىپ كەتكەن گېنېرال ئەبۇ مۇسلىمنى ئۆلتۈرگەن، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ سىنباد، پىرسىيە راۋاندىياخلار (Rawandiyah)، شىئەلەر، خاۋارىجلار ۋە زورۇئاستر مۇرتلىرى قاتارلىقلارنىڭ قوزغىلاڭلىرىى باستۇرغان. سىرتقا قارىتا، كاسپىي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى تەبەرىستان (Tabaristn) نى ۋە ئافغانىستاندىكى قەندىھارنى يۇتۇۋالغان. 762-يىلى باغداتتا پايتەخت قۇرغان. دۆلەت باشقۇرۇش ئۈچۈن ۋەزىر ئەمىلىنى تەسىس قىلغان. مەمۇرىي ۋە مالىيە ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىپ، سودا ۋە قول سانائەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ھەقىقىي ئاساس سالغۇچىسى دەپ قارىلىدۇ.

مەنگۇ سۇلالىسى

  • مەنگۇ سۇلالىسى[يەشمىسى:]چاكرې سۇلالىسى دەپمۇ ئاتالغان. سيام (ھازىرقى تايلاند) سۇلالىسى بولۇپ، مەنگۇنى پايتەخت قىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى جاۋ پېييى چاكرې (يەنى لاما Ⅰ) ئەسلى تونۋۇلى سۇلالىسىنىڭ گېنېرالى بولۇپ، 1782-يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن، مېنام دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدا يېڭى پايتەخت قۇرغان، چەت ئەللىكلەر بۇ يېڭى پايتەختنى بانكوك (Bangkok) دەپ، تايلاندلىقلار كىڭ تىپ (Kning Thep)«ئەۋلىيا شەھىرى»دېگەن مەنىنى بېرىدۇ ياكى كى ئۇنگ تىپ ماخاناكون «چوڭ ئەۋلىيا شەھىرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ دەپ ئاتايدۇ.

مەنئى قىلىنغان يىل تۈزۈمى

  • مەنئى قىلىنغان يىل تۈزۈمى[يەشمىسى:]ⅩⅥ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا يانچىلىق تۈزۈمىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن روسىيىدە يولغا قويۇلغان بىر خىل تۈزۈم. ئىۋان Ⅳ دېھقانلارنىڭ ئاچارچىلىق ۋە ئالۋان ياساقنىڭ ئېغىرلىشىشى تۈپەيلىدىن جەنۇبقا قېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پومېشچىكلارنىڭ يېتەرلىك ئەمگەك كۈچلىرىگە ئىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، 1581-يىلى پەرمان چۈشۈرۈپ يولغا قويغان. بۇ پەرماندا بارلىق دېھقانلارنىڭ «مەنئى قىلىنغان يىل» دا كۆچۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى، بىر خوجىلىق يەرئىگىسىدىن باشقا بىر خوجىلىق يەر ئىگىسىنىڭ قولىغا يۆتكىلىشىگىمۇ بولمايدىغانلىقى، ھەتتا يورىي بايرىمى (كونا كالېندار بويىچە 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان چېركاۋ بايرىمى)دىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەسلىكى بەلگىلەنگەن. ئەمەلىيەتتە ئىۋان Ⅳ نىڭ ئۆزى 1550-يىلقى قانۇندا بېكىتكەن دېھقانلارنىڭ ھەر يىلقى يورىي بايرىمىدا كۆچۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ماددىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. كېيىن دېھقانلارنىڭ يورىي بايرىمىدىمۇ كۆچۈشى مەنئى قىلىنغان يىل «مەنئى قىلىنغان يىل» دەپ ئاتالغان. بۇ تۈزۈم دېھقانلارنىڭ قېچىپ كېتىشىنى توسۇيالمىغان، ئۇزۇن ئۆتمەي چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى يەنى دېھقانلارنىڭ قېچىپ كېتىشىنى مەنئى قىلىدىغان پەرماننى چىقارغان ھەمدە يەرنى يېڭىباشتىن تەكشۈرۈپ، تىزىملانغان دېھقانلارنىڭ پومېشچىكنىڭ يېرىدىن ئايرىلىشىغا مەڭگۈ رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بېكىتىپ، ئۇلارنى پومېشچىكلارنىڭ مۇقىم قۇلىغا ئايلاندۇرغان.

مەھدى مەزھىپى

  • مەھدى مەزھىپى[يەشمىسى:]Mahdi)ھىندىستاندىكى ئىسلام دىنى مەزھىپى. مەھدىگە ئېتىقاد قىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرى بارلىققا كەلگەن، مەركىزىي بىيانا شەھىرىدە. مەشھۇر باشلىقى ئابدۇللا نايازى( Abdulla Nayazi) ۋە ئەلى( Alai)دىن ئىبارەت. مۇرتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەمگەكچىلەر ۋە سودىگەرلەردىن ئىبارەت. ئۇلار قۇتقۇزغۇچىنىڭ (مەھدىنىڭ) ھۆكۈمرانلىقى باشلىنىش بىلەنلا، ھەقىقەت بىلەن تەرتىپ ئورنىتىلىدۇ دەپ قارايدۇ. جامائەت خەزىنىسى بەرپا قىلىنىپ، ھەربىر كىشى دارامىتىنىڭ ئوندىن بىرىنى تاپشۇرىدۇ. كېيىن ئۇلار باستۇرۇلغان، 1549-يىلى ئەلى قۇربان بولغان. لېكىن خەلق ئاممىسى ئارىسىدا يەنىلا ناھايىتى زور تەسىرى بولغان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرى بەزى رايونلاردا پارتلىغان خەلق ھەرىكەتلىرى يەنىلا مەھدى ئېتىقادىنى بايراق قىلغان.

مەھكىمە ئەسكەرلىرى

  • مەھكىمە ئەسكەرلىرى[يەشمىسى:] چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئەسكەر تۈزۈمى. يەنە مەھكىمە ئەسكەرلىرى تۈزۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كورىيە دۆلىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە مەركەزنىڭ ئارمىيە تۈزۈمىدە ئىككى قوشۇن، ئالتە ياساۋۇل مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان، بىرلەشتۈرۈپ 8 ياساۋۇل مەھكىمىسى دەپمۇ ئاتالغان. يەرلىك مەھكىمىلەر يېشى 20 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئەرلەردىن ئەسكەر ئالغان. ئۇلار، مەھكىمە ئەسكەرلىرى دەپ ئاتالغان. ھەربىر ئەسكەرگە 17 پارچە يەر بېرىلگەن. كورىيە ئارمىيىسى قۇرۇپ، يەرلىك كۈچلەرنىڭ زورىيىپ كېتىشىدىن ساقلانغان، ئەسكەرلەر دائىم يەرلىك ئورۇندا تۇرغۇزۇلمىغان، بەلكى ئىككى قوشۇن ئالتە ياساۋۇل مەھكىمىسى دائىم پايتەختتە تۇرغان، بىرەر ئىش بولسا مەركەز ئۆزى يۆتكىگەن.Ⅻ ئەسىرگە كەلگەندا يەرلەرنى قوشۇۋېلىش ئەۋج ئالغانلىقتىن مەھكىمە ئەسكەرلىرىنى ساقلاپ قېلىش قىيىن بولغان. ھەربىي ۋەزىرلەر ھوقۇقنى ئىگىلىگەندىن كېيىن خۇسۇسىي ئەسكەرلەر مەھكىمە ئەسكەرلىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئاساسلىق قوراللىق كۈچ بولۇپ قالغان.كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە مەھكىمە ئەسكەرلىرىنى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش غۇلغۇلا قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن يەر تۈزۈمى بۇزۇلغانلىقتىن ئەمەلگە ئاشمىغان.

مەھكىمە ھاكىمىيىتى

  • مەھكىمە ھاكىمىيىتى[يەشمىسى:] ياپونىيىدە Ⅺ ئەسىردىن باشلاپ شاھىنشاھ ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن سىياسىي تۈزۈلمە. 1086-يىلى (يىڭدېنىڭ 3-يىلى)تېننوبەيخى چوڭ ئاقسۆڭەك فۇجىۋارانىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەتنى كونترول قىلىۋېلىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئورنىنى ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن ئىككىنچى ئوغلى تېننوكۇخېغا بېرىپ، شاھىنشاھلىق (كېيىن بۇددا دىنىغا كىرىپ، بۇددا شاھ دەپ ئاتالغان)ئورۇندا تۇرۇپ، ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە، تۇنجى مەھكىمە قۇرۇلغان. ئۇ نائىب، كامپاكۇلىقتىن يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە بولغانلىقتىن، ئەمىر-پەرمانلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان. ئۇنى پۇجىۋارانىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان ئاقسۆڭەكلەر ھىمايە قىلغان؛ 1129-يىلى (داجژنىڭ 4-يىلى) شىراكاۋا ئۆلگەندىن كېيىن، شاھىنشاھ توبا (كېيىن ئۇمۇ بۇددا شاھ دەپ ئاتالغان) يەنە 1156-يىلىغىچە (باۋيۈەننىڭ بىرىنچى يىلى) مەھكىمە ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزگەن. ۋۇيۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى شاھىنشاھ چۇڭدى (1123 — 1141-يىللىرى تەختتە) سول قول ۋەزىر فۇجىۋارا يورىناگا بىلەن بىرلىشىپ، ئىنىسى كېيىنكى تېننوشىراكاۋا ۋە كامپاكۇ فۇجىۋارا ئادامىچىغا ھۇجۇم قىلغان. بۇ تارىختا باۋيۈەن يېغىلىقى دەپ ئاتالغان. كېيىنكى تېننوشىراكاۋا يېچاۋ بىلەن خراشىمىزۇننىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ غەلىبە قازانغان.1158-يىلى (باۋيۈەننىڭ 3-يىلى)كېيىنكى تېننوشىراكاۋا ئورنىنى تېننو ئېرىتياۋغا بېرىپ، ئۆزى مەھكىمە ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزگەن (1192-يىلغىچە) 1159-يىلى (پىڭجژنىڭ بىرىنچى يىلى)يۈەن يېچاۋ ئەسكەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ تېننو ئېرىتياۋ بىلەن كېيىنكى بەيخېنى نەزەربەند قىلغان، كېيىن خىراشىمىزۇ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. بۇ تارىختا خىراشىمىزۇنىڭ توپىلاڭنى بېسىقتۇرۇشى دېيىلگەن. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى بەيخې مەھكىمىسى خىراشىمىزۇنى تېخىمۇ ئېتىبار بىلەن ئىشلەتكەن، ساموراي كۈچلىرى باش كۆتۈرگەن، ئومۇمەن بەيخې شوگۇنلىقى، توبا شوگۇنلىقى ۋە كېيىنكى بەيخې شوگۇنلىقى كەينى-كەينىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 100 يىلدىن ئاتۇق ۋاقىت شوگنات دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ يەنە بۇنىڭ ئىچىدە كېيىنكى شاھىشناھ توبانىڭ مەھكىمە ھۆكۈمرانلىقى (1198 — 1221)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېگەن گەپمۇ بار. بۇ ئارىدا باۋيۈەن يېغىلىقى ئىككى مەزگىلگە بۆلۈنگەن، ئالدىنقى مەزگىلدە نايىب كامپاكۇ كۈچلىرىگە تاقابىل تۇرغان، كېيىنكى مەزگىلدە ساموراي كۈچلىرىگە قارشى تۇرغان. 1221-يىلى چېڭجۇ يېغىلىقىدىن كېيىن، شوگناتنىڭ بېسىمى بىلەن، مەھكىمە ھاكىمىيىتى ئاستا-ئاستا رولىدىن قالغان، لېكىن بۇنداق تۈزۈلمە يەنىلا ئارىلاپ مەيدانغا كېلىپ تۇرغان، تاكى 1840-يىلى (تىيەنباۋنىڭ 11-يىلى) شاھىنشاھ گۇاڭگې ئۆلگەنگە قەدەر داۋاملاشقان.

مەۋلىۋى ئەخمەد

  • مەۋلىۋى ئەخمەد[يەشمىسى:]Maulavi Ahmad، ? - 8581)1857-يىلدىكى ھىندىستان مىللىي قوزغىلىڭىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى. ئودېر شتاتىنىڭ مەركىزى لۇكنوۋنىڭ تەئەللۇقدارى( Talukdar، ئىككىنچى پومېشچىك). ئىسلام دىنىدىكى ۋاھابىيلەردىن. 1856-يىلى ئودېر ئەنگلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغاندىن كېيىن، دېھلى، مىرات، پاتنا ۋە كالكۇتتا قاتارلىق جايلاردا خەلقنى ئەنگلىيىگە قارشى غازات قىلىشقا چاقىرغان. قوزغىلاڭچىلارنى رىغبەتلەندۈرىدىغان چەلپەك («چوپاتتى» Chupattie) پىلانىنى تۈزۈشكە قاتناشقان. قوزغىلاڭ ھارپىسىدا قولغا ئېلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. قوزغىلاڭ پارتلىغاندىن كېيىن خەتەردىن قۇتۇلغان ۋە كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان. 1858-يىلى 3-ئايدا لوكىنو قولدىن كەتكەندىن كېيىن، رو شىركەتتە داۋاملىق كۈرەش قىلغان. 6-ئايدا پاۋان( Pawan)فېئودال ئىگىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

مەيۋاندۋال

  • مەيۋاندۋال[يەشمىسى:]Mohammed Hashim Maiwandwal،1919— 1973)ئافغانىستان باش ۋەزىرى (1965 — 1967).1942-يىلى ھېرات ئۆلكىسى «ئىسلام ئىتتىپاقى گېزىتى»نىڭ باش تەھرىرى بولغان. 1944 — 1945-يىللىرى مائارىپ مىنىستىرلىكى «ئېنىسكلوپېدىيە»بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.1945-يىلى «دوستلۇق گېزىتى»نىڭ باش تەھرىرى بولغان. كېيىن ئاخبارات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، خاننىڭ ئاخبارات مەسلىھەتچىسى بولغان. 1953 — 1954-يىللىرى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1956-يىلى 1-ئايدا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1957-يىلى ئىلگىرى-كېيىن ئەنگلىيە ۋە پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. 1957 — 1963-يىللىرى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. 1963—1964-يىللىرى پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. 1964-يىلى 12-ئايدا ئاخبارات ۋە مەدەنىيەت ۋەزىرى بولغان. باش ۋەزىرى بولغاندا مائارىپ ۋەزىرلىكىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. كېيىن ئامېرىكىدا تۇرۇپ كېسىلىنى داۋالاتقان.1973-يىلى 10-ئايدا «سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشقا قۇترىتىپ، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى» بىلەن قولغا ئېلىنىپ، كېيىن ھەربىي سوت تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

مرگاداۋا

  • مرگاداۋا[يەشمىسى:] يەنى «سارنات».

مككارران قانۇن لايىھىسى

  • مككارران قانۇن لايىھىسى[يەشمىسى:] «مككارران-ۋۇد قانۇن لايىھىسى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ.1950-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا پارلامېنتى ماقۇللىغان. خەلقنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان قانۇن لايىھىسى. بۇنى ئامېرىكا ئالىي پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مككارران بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋۇد ئوتتۇرىغا قويغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇ، بىرىنچى، ئاغدۇرمىچىلىق پائالىيىتىنى باشقۇرۇش قانۇنى؛ ئىككىنچى، جىددىي ھالەتتە تۇتۇپ تۇرۇش قانۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى — كومپارتىيە ئەزالىرىغا پاسپۇرت تارقىتىپ بېرىشنى مەنئى قىلىش؛ كەڭ دائىرىلىك ھوقۇققا ئىگە بولغان«ئاغدۇرمىچىلىق پائالىيىتىنى ئىدارە قىلىش ھەيئىتى»قۇرۇپ چىقىش؛ قوشما شتات سوت مەھكىمىسى ئەتراپىغا يىغىلىپ نامايىش قىلغۇچىلارنى ئېغىر جازاغا تارتىشتىن ئىبارەت، بۇنىڭدا ئاغدۇرمىچىلىق پائالىيىتى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بانىسى بىلەن، ئىلغار زاتلارغا ھەدەپ زىيانكەشلىك قىلغان. بۇ لايىھىدە قانۇن شەكلى بىلەن ئۆكتىچى پارتىيە ۋە ئىلغار تەشكىلاتلارنى قانۇن قوغدىمايدۇ دەپ جاكارلىغان.

مكماستېر

  • مكماستېر[يەشمىسى:]John Bach Mcmastar، 1852 — 1932)ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس.1872-يىلى نيۇ-يورك شەھەرلىك ئىنستىتۇتنى پۈتتۈرگەن.1877-يىلى پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىناكارلىق قۇرۇلۇشى لېكتورى بولغان. كېيىن ئەنگلىيە تارىخشۇناس ماكۇلاي ۋە بېكىرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن تارىخنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. 1883-يىلى پىنىسلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئامېرىكا تارىخى پروفېسسورى بولغان. ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس گرېئىننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تارىخ يېزىشتا خەلقنىڭ تارىخىنى يېزىش كېرەك دەپ ھېسابلىغان. جەمئىيەت تارىخى بىلەن ئىقتىساد تارىخى تەتقىقاتىغا ئېتىبار بېرىپ، گېزىت-ژۇرنال ۋە ئەسلىمە قاتارلىق ماتېرىياللارنى يىغىش ۋە تەتقىق قىلىشقا كۆڭۈل بۆلگەن، خەلقنىڭ ئادەتتىكى كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ پۈتكۈل قىياپىتىنى ئىپادىلەپ بېرىشكە تىرىشقان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى ئەسىرى«ئامېرىكا خەلق تارىخى»نىڭ ئالدىنقى سەككىز تومى 1883 — 1913-يىللىرى نەشىردىن چىققان. ئۇنىڭدا 1783-يىلدىكى ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىدىن تارتىپ شىمال بىلەن جەنۇب ئۇرۇشى پارتلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يۈز يىلغا يېقىن بولغان تارىخنى تەپسىلىي ئېنىق بايان قىلىپ بەرگەن.1927-يىلى توققۇزىنچى تومى نەشىر قىلىنغان، ئۇنىڭدا زۇڭتۇڭ لىنكولىننىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلىدىكى تارىخىي ۋەقەلەر ئالاھىدە بايان قىلىنغان. بۇ ئەسىرى كۆپ قېتىم نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئىنتايىن كەڭ تارقالغان. بىراق كىتابنىڭ ئۇسلۇبى بىر قەدەر ئاددىي، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسەردە ئىرقچىلىق، بىر تەرەپلىمە قاراش ساقلانغان. ئۇنىڭ يەنە فرانكىلىن قاتارلىق مەشھۇر تارىخىي شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە كۆپ خىل «ئامېرىكا تارىخى قوللانمىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

مكۋاۋا

  • مكۋاۋا[يەشمىسى:]Mkwawa، ؟ — 1898) تانگانىكا(ھازىرقى تانزانىيە)نىڭ گېرمانىيىگە قارشى ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى. خېخې( Hehe)مىللىتىدىن. 1891-يىلى 8-ئايدا، گېرمانىيە ئارمىيىسىگە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ زەربە بېرىپ غەلىبە قىلغان. 1892-يىلى كىلوسا (Kilosa)قورۇلىنى ئىشغال قىلغان. 1894-يىلى گېرمانىيە ئارمىيىسى پايتەخت كالېنگا( Kalenga)نى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان. 1898-يىلى 6-ئايدىكى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

موپاسسان

  • موپاسسان[يەشمىسى:]ReneHenri Albert Guyde Maupassant، 1850-1893)فرانسىيىلىك تەنقىدىي رېئالىست يازغۇچىسى.ۋەيران بولغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئائىلىسى ۋە ئەل-ئاغىنىلىرىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، كىچىكىدىن تارتىپلا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قىزغىن ھەۋەس باغلىغان. 1870-يىلى پارىژغا بېرىپ قانۇن ئۆگەنگەن. پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئەسكەرلىككە ئېلىنغان. ھەربىي سەپتىن قايتقاندىن كېيىن، ئۇزاققىچە دېڭىز ئارمىيىسى شتابى ۋە مائارىپ مىنستىرلىكىدە خىزمەتچى بولغان. فلۇبېرنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىسىدا، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ يېزىقچىلىق قىلغان. 1880-يىلى «دونداق»دېگەن ھېكايىسى ئېلان قىلىنىش بىلەنلا ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يازغۇچى وبلۇپ قالغان. ئۇ ئۆز ھاياتىدا 350 نەچچە پارچە پوۋېست، ھېكايە ۋە ئالتە رومان يازغان. بولۇپمۇ ھېكايىسى بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇنىڭ ئىچىدە بىر مۇنچىلىرىدا پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىدىكى تاجاۋۇزچىلارنىڭ ۋەھشىيلىكى ، فرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چىرىكلىكى-ئىقتىدارسىزلىقى ۋە خەلقنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى تەسۋىرلەنگەن. لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئەسەرلىرىدە ئۈمىدسىزلىك ۋە تەقدىرچىلىك قاتارلىق پاسسىپ ئىدىيە ئاشكارىلانغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن يەنە «ھايات»،«چىرايلىق دوست»،«ئارشاڭ»،«مارجان» قاتارلىقلار بار.

موپلاھ قوزغىلىڭى

  • موپلاھ قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] 1921-يىلى ھىندىستاننىڭ مالابار(Malabar)دېگەن يېرىدىكى مۇسۇلمان دېھقانلارنىڭ ئەنگلىيىگە، فېئودالىزمغا قارشى قوزغىلىڭى. موپلاھ( Moplah ياكى Mappilla)مابالار رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نامى. موپلاھلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەسلى ھىندىستاندىكى تۆۋەن تائىپىگە تەۋە بولۇپ، كېيىن ئىسلام دىنىغا كىرگەن. كۆپ قىسمى ياللانما دېھقان ۋە دېھقانچىلىق ئىشچىسى. 1921-يىل 8-ئاينىڭ 20-كۈنى كالىكۇتتا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە قوشۇنى تىرۇرانگادى( Tirurangadi)شەھىرىگە بېرىپ موپلاھلار ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىلىرىنى قولغا ئالغانلىقتىن، بۇ شەھەردىكى موپلاھلارنىڭ قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كەينىدىنلا مالابارنىڭ جەنۇبىدىكى ھەممە جايغا كېڭەيگەن. قوزغىلاڭچىلار«خەلىپە پادىشاھلىقى» قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا، قوزغىلاڭچىلار ئەنگلىيە قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. كۇناخمېد( Haji Kunahmed)رەھبەرلىكنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. ئەنگلىيە مۇستەملىكچى دائىرىلىرى دىنىي ماجىرا پەيدا قىلىش، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى پارچىلاش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، 1921-يىلنىڭ ئاخىرىدا قوزغىلاڭنى باستۇرغان. كۇناخمېد ۋە قوزغىلاڭچىلاردىن نەچچە مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلگەن، ئون مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئېغىر ئەمگەك جازاسىغا پالانغان.

موتازىلە مەزھىپى

  • موتازىلە مەزھىپى[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىنىڭ بىر مەزھىپى. موتازىلە ئەرەبچە Mutazilaal نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، «بۆلگۈنچى»دېگەن مەنىدە. ۋەكىللىك شەخسلىرى ۋاسىل ئىب-نى ئاتا (Wasil ibn Ata، 699 — 749)ۋە ئامۇر ئىبنى ئۇبەيد (Amr ibn Ubaid، 699 — 761). قەدىمكى يۇنان، رىمنىڭ پەلسەپىسىنىڭ تەسىرى بىلەن، تەقدىرچىلىككە ۋە ئەنئەنىچىلەرنىڭ «خۇدا بىلەن ئادەم ئوخشاش دەيدىغان تەلىماتى»غا قارشى تۇرۇپ، ئاللا ئۆزىدىن باشقا ھېچنىمىگە تەۋە ئەمەس دەپ قاراپ، ئىرادە ئەركىنلىكى ۋە ئەقىلچىلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئادەمنىڭ ئەقلى بىلەن ياخشى-ياماننى ئايرىشنى تەشەببۇس قىلغان، «قۇرئان»نى باشقىلارنىڭ ئىجادىيىتى دەپ قارىغان. ئابباس خاندانلىقىنىڭ خەلىپىسى مەمۇننىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، دۆلەت دىنى دەپ ئېلان قىلىنغان ھەمدە مەھكىمە شەرئىي قۇرۇپ، باشقا مەزھەبلەرگە زىيانكەشلىك قىلغان. مىلادى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خەلىپە تەرىپىدىن قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلىنىپ، دەھشەتلىك باستۇرۇلغان. كېيىن بارا-بارا يوقالغان.

موتسۇبې جەمەتى

  • موتسۇبې جەمەتى[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى چوڭ جەمەت. مىلادى Ⅴ، Ⅵ ئەسىرلەردە ئوياماتو ئوردىسىدا ئوتومۇ جەمەتى بىلەن بىرلىكتە«ئومۇراجى»دېگەن نامغا ئېرىشىپ، ھەربىي ئىشلارنى بۆلۈپ باشقۇرغان. موتسۇبې جەمەتىدىكى ئاراكابى چىكۇشى بەگلىكى (ھازىرقى كيۇشو)دىكى ئىۋائى توپىلىڭىنى باستۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن. Ⅵئەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە ئوتومو جەمەتى ئاجىزلىشىشقا يۈزلەنگەندىن كېيىن، سوگا جەمەتى بىلەن بىرلىكتە چوڭ ھوقۇقلارنى ئىگىلىگەن. كېيىن موتسۇبې جەمەتىدىكى ئوكوشى بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلىشقا قارشى تۇرغانلىقتىن، سوگا جەمەتىدىكى ئىنانومې بىلەن قارىمۇقارشىلىشىپ قالغان. مىلادى 587-يىلى تاكارامې تېننودىن كېيىنكى تەختكە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىنى موتسۇبې جەمەتىدىكى مورىيا قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشقا ئۇرۇنغاندا، سوگا جەمەتىدىكى ئۇماكو بىلەن شاھزادە يمايادو تەرىپىدىن يوقىتىلغان. تايكا ئىسلاھاتى دەۋرى (645) دە سوگا جەمەتىدىكىلەرنىڭ كۆپ قىسمى يوقىتىلغان، موتسۇبې جەمەتىدىكى بەزى كىشىلەر يەنە ئەمەلدارلىققا تەيىنلەنگەن. مىبۇخاجىمې توپىلىڭى مەزگىلى (672)دە موتسۇبې جەمەتى ئوئامالارنىڭ شاھزادىسى (كېيىن تەختكە چىقىپ تېننو تېنمۇ بولغان)گە بېقىنغان، ئۇلارنىڭ بىر تارمىقى نامىنى ئىشىكامىغا ئۆزگەرتكەن.

موتلېي

  • موتلېي[يەشمىسى:]John Lothrop Motley، 1814 — 1877) ئامېرىكا تارىخشۇناس، دىپلومات. ياش ۋاقتىدا خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. گېرمانىيە گۇتتىنگېن داشۆسى ۋە بېرلىن داشۆسىدە ئوقۇغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن قانۇن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن گوللاندىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. 1851-يىلى يەنە ياۋروپاغا بېرىپ، بېرلىن، درېسىدېن، بىريۇسسېل، گراۋېناگى قاتارلىق جايلاردا بىرقانچە يىل ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان. 1856-يىلى «گوللاندىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ گۈللىنىشى» (ئۈچ قىسىم) نى نەشىر قىلدۇرغان. بۇ كىتابتا ئاساسەن 1555 — 1584-يىللاردىكى نېدېرلاندىيە ئىنقىلابىي تارىخى بايان قىلىنغان. بۇ ئەسەرنىڭ جايلاشتۇرۇلۇشى ئەپچىل، قۇرۇلمىسى چىڭ، يېزىلىشى راۋان، ۋەقەلىكى تەپسىلىي بولۇپ، ⅪⅩ ئەسىردىكى مەشھۇر تارىخىي ئەسەردۇر. يەنە «نېدېرلاند بىرلەشكەن ئۆلكىلەر جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخى» (4-قىسىم) دېگەن ئەسىرى بولۇپ، ئالدىنقى كىتابنىڭ داۋامىدۇر. 1861 — 1867-يىللىرى ئاۋسترىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1869-يىلى ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. ئىككىنچى يىلى ئۇ ۋەزىپىسىدىن قالغان، كېيىن ئەنگلىيىدە ئولتۇراقلىشىپ يېزىقچىلىق بىلەن ئۆلگەنگە قەدەر شۇغۇللانغان. 

موجمىرⅠ

  • موجمىرⅠ[يەشمىسى:]MojmirⅠ 818 — 846) بۈيۈك موراۋىيە كىنەزى (تەخمىنەن 830— 846). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، تەخمىنەن مىلادى 1833-يىلى نىترا (Nitra) كىنەزلىكىنى قوشۇۋېلىپ، نىترا كىنەزىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان؛ خرىستىئان دىنىنىڭ دۆلەت ئىچىدە تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 846-يىلى گېرمانىيە كورۇلى لۇئى (گېرمان) ئەسكەر باشلاپ بۈيۈك مۇراۋىيىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن ئاغدۇرۇلغان، ئۇنىڭ جىيەنى روستىسلاۋ كىنەزلىك مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلغان. 

موجېڭ

  • موجېڭ[يەشمىسى:]چاۋشىيەننىڭ كېيىنكى ئۈچ بەگلىكىنىڭ بىرى. يەنە تەيفىڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىللا پادىشاھىنىڭ جەمەتى گوڭ يى قۇرغان. مىلادى 892-يىلى (ئايال پادىشاھ جېڭشېڭنىڭ 6-يىلى) گۇڭ يى لياڭجى قوزغىلاڭچى ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزى تەختكە چىققان. 904-يىلى موجېڭ دېگەن دۆلەت نامىنى قويغان. 911-يىلى دۆلەت نامى تەيفېڭ دەپ ئۆزگەرتىلگەن. پايتەخت تېيۈەندە تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭ تەۋەلىك دائىرىسى يېرىم ئارالنىڭ ئوتتۇرا قىسمى بولۇپ، شىمالدا پىخىنيان ئەتراپلىرىغىچە، جەنۇبتا شياڭجۇغىچە بولغان. 918-يىلى ۋاڭ جيەن گۇڭ يىنىڭ ئورنىنى دەسسەپ، دۆلەت نامىنى كورىيە دەپ ئۆزگەرتكەن.

موخاچ جېڭى

  • موخاچ جېڭى[يەشمىسى:]1) تۈركىيە ۋېنگرىيىگە تاجاۋۇز قىلغان جەڭ. 1526-يىل 8-ئاينىڭ 29-كۈنى دوناي دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى موخاچ شەھىرى (Mohacs، بۈگۈنكى ۋىنگرىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا) يېنىدا سۇلتان سۇلايمان Ⅰ تۈركىيىنىڭ تەخمىنەن 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى باشلاپ ۋېنگرىيە كورۇلى قوشۇمچە چېخىيە كورۇلى لۇئى Ⅱ (LouisⅡ، 1516 — 1526-يىللىرى تەختتە بولغان) باشچىلىقىدىكى تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىك ۋېنگرىيە چېخ بىرلەشمە قوشۇنىغا قارشى جەڭ قىلغان. نەتىجىدە تۈركىيە قوشۇنى غەلىبە قىلغان. لۇئى Ⅱ جەڭدە ئۆلگەن، ۋىنگرىيە مۇنقەرز بولغان، ئۇنىڭ دۆلەت زېمىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنۈپ: تۈركىيە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسىملىرىنى بېسىۋالغان. شەرقىي قىسمى (ترانسىلۋانىيە) تۈركىيىگە بويسۇنغان، غەربىي قىسمى ھابىسبۇرگ خاندانلىقىغا ئايرىپ بېرىلگەن. (2) 1687-يىل 8-ئاينىڭ 12-كۈنى موخاچ شەھىرى ئەتراپىدا بولغان جەڭ. تۈركىيە 1683-يىلى ۋېناغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن كۈچى زەئىپلىشىپ كەتكەن. 1687-يىلى. ئاۋسترىيە قوشۇنى لوررىنې كىنەزى چارلېسⅤ (CharlesⅤ، 1643 — 1690) نىڭ قوماندانلىقىدا موخاچ شەھىرىدە تۈركىيە قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. شۇنىڭدىن كېيىن، تۈركىيىنىڭ ۋېنگرىيىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئاۋسترىيە چىققان.

مودېل پارلامېنت

  • مودېل پارلامېنت[يەشمىسى:] 1295-يىلى 11-ئايدا ئەنگلىيە كورۇلى ئېدۋارد Ⅰ چاقىرغان فېئوداللىق دەرىجە ۋەكىللىرى يىغىنى. ئۇنىڭغا كاتولىك دىنىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مىسسىئونېرلار ۋە دەھرىي ئاقسۆڭەكلەردىن باشقا يەنە رىتسارلارنىڭ ۋەكىللىرى (ھەربىر ۋىلايەتتىن ئىككى نەپەر) ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى (ھەربىر ئاپتونوم شەھەردىن ئىككى نەپەر) قاتناشقان. بۇ، ئەنگلىيىدە فېئوداللىق دەرىجىلىك پادىشاھلىق تۈزۈمىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەشكىلىي شەكلى كېيىنكى پارلامېنتلار تەرىپىدىن ئۇزاققىچە تەقلىد قىلىنغانلىقى ئۈچۈن «مودې−ل پارلامېن−ت»(Model Parlihament) دەپ ئاتالغان. 

مورتىللېت

  • مورتىللېت[يەشمىسى:]Gabriel de Mortillet، 1821 — 1898) فرانسىيىلىك ئارخېئولوگ، دارۋىنىزمچى. 1848-يىلىدىكى بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىي ئەربابى بولۇپ، شۇ يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە سولانغان. 1863-يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن كونا تاش قوراللىرى دەۋرى ئۈستىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. 1866-يىلى ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تۇنجى خەلقئارا تارىختىن بۇرۇنقى ئىنسانلار ئىلمىي جەمئىيىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. 1868-يىلى سېن. گىللېمان مۇزېيىنىڭ باشلىقى بولغان، 1878-يىلى ئانتىروپولوگى شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ياۋروپادىكى ماتېرىياللارغا ئاساسەن، تەدرىجىي تەرەققىيات نۇقتىئىنەزەرى بويىچە، كونا تاش قوراللىرى دەۋرىنى سارى، موست، سولۇت، ماگدا لېنېين قاتارلىق دەۋرلەرگە بۆلگەن «مورتىللېت يىلنامىسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. كېيىن باشقا ئالىملارنىڭ تولۇقلىشى بىلەن بۇنداق ئايرىش ئۇسۇلى ھازىرغىچە داۋام قىلماقتا. ئۇنىڭ «تاش قوراللىرى دەۋرىنىڭ دەۋرلەرگە بۆلۈنۈشى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

مورز

  • مورز[يەشمىسى:]Samuel Finley Breese Morse، 1791 — 1872) ئامېرىكىلىق تېلېگراف كەشپىياتچىسى. ماسسا چۇسېتىس شتاتىدا تۇغۇلغان. 1810-يىلى يالې داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئەنگلىيىگە بېرىپ، رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. 1823-يىلى نيۇ-يوركتا سەنئەت سارىيى قۇرغان. 1826— 1842-يىللىرى مەملىكەتلىك سۈرەتچىلىك سارىيىنىڭ تۇنجى باشلىقى بولغان. 1832-يىلىدىن تارتىپ تېلېگرامما ئاپپاراتىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەش بىلەن شۇغۇللانغان. شۇنداقلا نيۇ-يورك داشۆسىدە سەنئەت ۋە لايىھىلەش پروفېسسورى بولغان. 1837-يىلى نيۇ-يوركتا ئۆزى ياساپ چىققان ئېلېكترو ماگنىتلىق تېلېگراف ئاپپاراتىنى ئىشلىتىپ كۆرگەن. ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن 1844-يىلى ۋاشىنگتون بىلەن بالتىمور ئارىلىقىدا تەجرىبە خاراكتېرلىك تېلېگراف لىنىيىسى (تەخمىنەن 64 كىلومېتر) قۇرۇلۇپ، خەۋەرلىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ چىققان. ئۇ يەنە مورزىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان كودنى كەشپ قىلغان، بۇ كود ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا. 

مورسكولار

  • مورسكولار[يەشمىسى:]Moriscos) ئىسپانىيە تارىخىدىكى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ئەرەبلەر (مورلار) ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 1492-يىلى ئىسپانىيىنىڭ قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى ئورۇندالغاندىن كېيىن، ئىسپانىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئەرەبلەر (مورلار) خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇر قىلىنىپ، مورسكولار دەپ ئاتالغان. ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئەرەب تىلىنى قوللىنىشىنى مەنئى قىلغان، ئەرەب يېزىقىدىكى كىتابلارنى كۆيدۈرۈۋەتكەن ھەمدە مىڭلىغان مورسكولارنى دىنىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئوت جازاسى بېرىشىگە يەتكۈزۈپ بەرگەن. 1568-يىلى گرانادادىكى مورسكولار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ مەغلۇپ بولغان. 1609 — 1610-يىللىرى مورسكولار ئىسپانىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. كۆپىنچىسى شىمالىي ئافرىقىدىكى ماراكەش، ئالجىرىيىنىڭ دېڭىز بويلىرى رايونىغا ۋە تۇنىسنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ بارغان.

مورگان

  • مورگان[يەشمىسى:]1) لېۋىس ھېنرىي مورگان (Lewis Henry Margan، 1818 — 1881) ئامېرىكىلىق ئېتنولوگ، ئىپتىدائىي جەمئىيەت تارىخشۇناسى. نيۇ-يورك شتاتىنىڭ ئاۋرورا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 1840-يىلى بىرلەشمە شۆيۈەننى پۈتتۈرگەن. 1844 — 1864-يىللىرى روچېستېردا ئادۋوكات بولۇپ ئىشلىگەن ۋە ئىندىئانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش بىلەن مەشھۇر بولغان. 1847-يىلى ئىروكىزلار ئىچىدىكى سېنېكا قەبىلىسىنىڭ قارچىغا قوۋمى ئۇنى بېقىۋالغان. 1861 — 1869-يىللىرى نيۇ-يورك شتاتلىق يۇقىرى ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان. 1873-يىلى بىرلەشمە شۆيۈەنىنىڭ پەخرىي قانۇنشۇناسلىق دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان.1875-يىلى ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1879-يىلى ئامېرىكا ئىلىم-پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. «قەدىمكى جەمئىيەت» (1877) ۋە «ئىروكىزلار ئىتتىپاقى» (1851)، «ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تۇغقانچىلىق تۈزۈمى» (1869) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزاققىچە ئىندىئانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ھەقىقىي تەكشۈرۈشلىرى ۋە ئىگىلىگەن كۆپلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن ئىنسانلارنىڭ نىكاھ تۈزۈمى، تۇغقانچىلىق تۈزۈمى ۋە قوۋم تۈزۈمى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان ھەمدە تۇنجى قېتىم «تىرىكچىلىك ماھارىتى» (تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى) تەرەققىياتىنى بەلگە قىلىپ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنى «ۋارۋارلىق»، «ياۋايىلىق» ۋە «مەدەنىيەت» تىن ئىبارەت ئۈچ دەۋرگە ئايرىغان. «قەدىمكى جەمئىيەت» تە ئاساسەن ماتېرىيالىستىك تارىخ قاراش بىلەن ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات جەريانى بايان قىلىنىپ، باشلانغۇچ كوممۇنىزمنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، تارىخشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىيەت ساھەسىدە زور تەسىر قوزغىغان. ماركس ۋە ئېنگېلس ئۇنىڭ ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەرگەن. ئېنگېلس «قەدىمكى جەمئىيەت» نى ئاساس قىلىپ، «ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى» (1884) نى يېزىپ چىققان، مورگاننىڭ ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ماتېرىيالىستىك تارىخ قاراشنى تاپقانلىقىنى كۆرسەتكەن ھەمدە بۇ بايقاشنى دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ، دېگەنىدى. ئۇنىڭ تۆھپىسى شۇ يەردىكى: «ئاساسىي خۇسۇسىيەت جەھەتتە يازما تارىخىمىزنىڭ بۇ تارىختىن ئىلگىرىكى ئاساسنى بايقىدى ۋە ئەسلىگە كەلتۈردى ھەمدە شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق تەشكىلاتلىرىدىن قەدىمكى يۇنان، رىم ۋە گېرمانىيە تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم، تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر تېخى يېشىپ بېرىلمىگەن سىرنى ئېچىپ تاشلايدىغان ئاچقۇچنى تاپتى» («ماركس-ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى» 4-توم، خەلق نەشرىياتىنىڭ 1972-يىل خەنزۇچە نەشرى 2-بەت). ئۇ يەنە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرىدىغان، خەلقنى سۆيىدىغان ئالىم ئىدى. ئۇ نيۇ-يورك شتاتىنىڭ روچېستېر شەھىرىدە ۋاپات بولغان. (2) توماس خونت مورگان (Thomas Hunt Margan، 1866 — 1945) ئامېرىكىلىق ئېمبرۇئولوگ ۋە ئىرسىيەتشۇناس. 1890-يىلى خوپكىنىس داشۆسىنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1904—1928-يىللىرى كولومبىيە داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1928-يىلدىن باشلاپ، كالىفورنىيە سانائەت شۆيۈەنى بىئولوگىيە تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان، «مۇندىل قانۇنى» ئاساسىدا گېن تەلىماتىنى ياراتقان. 1909-يىلىدىن باشلاپ، مېۋە چىۋىنىدە ئىرسىيەت تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىپ، خروموسوما ئىرسىيەت تەلىماتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىرسىيەت بىرلىكى بولغان گېننىڭ خروموسومىدا تىزىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. 1933-يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى تىببىي مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. «گېن توغرىسىدا»، «ئەمەلىي ئېمبرۇلوگىيە»، «ئېمبرۇئولوگىيە ۋە ئېۋگېنكا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

مورو

  • مورو[يەشمىسى:]Aldo Moro، 1916 — 1978) ئىتالىيە زۇڭلىسى (1963 — 1968، 1974— 1976). كاتولىك دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى. ئادۋوكات ۋە بارى داشۆسىنىڭ قانۇنشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. 1946-يىلى پارلامېنتقا كىرگەن. 1953 — 1955-يىللىرى كاتولىك دېموكراتلار پارتىيىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ پارلامېنتتىكى پارتىيە ئۆمىكىنىڭ رەئىسى بولغان. 1955 — 1957-يىللىرى ئەدلىيە مىنىستىرى بولۇپ، تۈرمىلەرنى ئىسلاھ قىلغان. 1957 — 1959-يىللىرى مائارىپ مىنىستىرى بولغان. 1959 — 1963-يىللىرى پارتىيىنىڭ سىياسىي سېكرىتارى بولۇپ، ئوتتۇرا گۇرۇھقا مەنسۇپ بولغان. 1965-يىلىدىن باشلاپ كۆپ قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان.1976-يىلى10-ئايدىن باشلاپ كاتولىك دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1978-يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنى تېررورچىلار ئۇنى تۇتۇپ كەتكەن. ھۆكۈمەت تېررورچىلارنىڭ شەرتىنى رەت قىلغانلىقتىن ئۆلتۈرۈلگەن. 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇنىڭ جەسىتى رىمنىڭ مەركىزىدە بىر ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىدىن تېپىلغان.

مورېلوس

  • مورېلوس[يەشمىسى:]Jose Maria Morelos، 1765 — 1815) مېكسىكىنىڭ مىللىي قەھرىمانى. 1810 — 1815-يىللاردىكى مۇستەقىللىك ئۇرۇشى يولباشچىلىرىنىڭ بىرى. نامرات ياغاچچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياللانما ئىشچى، ئات باقار، يېزا پوپى بولغان. 1810-يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭغا قاتناشقان، 1811-يىلى ھىدالگو قۇربان بولغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا يېتەكچىلىك قىلىپ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، مېكسىكىنىڭ جەنۇبىدىكى زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئازاد قىلغان. 1813-يىلى 9-ئايدا، چىلپانسىنگو (Chilpancingo) شەھىرىدە چاقىرىلغان مېكسىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنىدا باش قوماندانلىققا سايلانغان، 1814-يىلدىكى جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان. جۇمھۇرىيەت قۇرۇش، ئىرقى باراۋەرلىك، چېركاۋنى ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ئىمتىيازىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش قاتارلىق تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1813-يىلى11-ئايدا، ۋاللادولىد (Valladolid)، ھازىرقى مورېلىيە (Morelia) دا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان، كېيىن ئىچكى زىددىيەتلەر تۈپەيلىدىن، كەينى-كەينىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، 1815-يىلى 11-ئايدا ئەسىرگە چۈشۈپ 12-ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن. 

مورېللي

  • مورېللي[يەشمىسى:]Morelly) ⅩⅧ ئەسىردىكى فرانسىيىلىك خىيالىي كوممۇنىزمچى. مورېللي ئۇنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ ئەسلى ئىسمى نامەلۇم. ئۇ راتسىئونالىزم، تەبىئىي قانۇن ۋە ئىجتىمائىي كېلىشىم نەزەرىيىلىرىنى ئاساس قىلىپ، كوممۇنىزم غايىسىنى تەسۋىرلىگەن. تەبىئەتنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى — تەرەققىيات قانۇنىغا ئاساسەن بىرقانچە چېنىقىش باسقۇچلىرى ئارقىلىق، كىشىلەر ئىلگىرىكى ئاڭسىز كوممۇنىزمدىن كەلگۈسىدىكى ئاڭلىق كوممۇنىزمغا يېتىپ بارىدۇ. كەلگۈسىدىكى جەمئىيەتتە ئۈچ «مۇقەددەس قانۇن» يەنى خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، پۇقرالارنىڭ ئەمگەك ھوقۇقى ۋە ياشاش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش؛ پۇقرالارنىڭ «ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىگە، ئىقتىدارىغا ۋە يېشىغا قاراپ» جامائەت ئەمگىكىگە قاتنىشىش مەجبۇرىيىتىنى بەلگىلەشكە ئەمەل قىلىش لازىم، كوممۇنىزم ئايرىم، ئانچە چوڭ بولمىغان كوممۇنا دائىرىسى بىلەن چەكلەنمەي، بەلكى دۆلەتنىڭ دائىرىسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ ھەمدە ئەمگەك ۋە ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى بىر تۇتاش پىلانلىنىدۇ ۋە تەقسىم قىلىنىدۇ دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ غايىسى كۈچلۈك تەڭ تەقسىماتچىلىق خاھىشى ۋە غەلىتە پاترىئارخاللىق ھوقۇقى دېموكراتىيە تۈزۈمى تۈسىنى ئالغان. «باچىلىئادا»، «تەبىئىي قانۇن» قاتارلىق ئاساسلىق ئەسەرلىرى بار. 

مورلېي-مىنتو ئىسلاھاتى

  • مورلېي-مىنتو ئىسلاھاتى[يەشمىسى:]ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرى مورلېي (John Morley، 1838 — 1923) بىلەن ھىندىستان باش ۋالىيسى مىنتو(Minto، 1845—1914) ھىندىستانغا قارىتىلغان مۇستەملىكىلىك ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان قانۇن چىقىرىش «ئىسلاھاتى». 1905-يىلى 5-ئايدا ئەنگلىيە پارلامېنتى «ھىندىستاننىڭ ھەر دەرىجىلىك قانۇن چىقىرىش پارلامېنتلىرى (ياكى قانۇن چىقىرىش مەسلىھەت يىغىنلىرى) توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسى» نى ماقۇللىغان، بۇ «مورلېي-مىنتو ئىسلاھات لايىھىسى» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدا ھەر دەرىجىلىك قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش بەلگىلەنگەن. مەركىزىي قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى (ياكى ئىمپېرىيە قانۇن چىقىرىش مەسلىھەت يىغىنى) ئەزالىرىنىڭ سانى 16 دىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 60 كە يەتكۈزۈلگەن؛ بېنگال، مادراس ۋە بومباي قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 كە يۈتكۈزۈلگەن؛ پەنجاپقا 30 كىشى تەقسىم قىلىنغان. مەركىزىي قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىدا ھۆكۈمەت تەرەپتىن بولغان ئەزالار كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلغان، ئۆلكىلەرنىڭ قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىدا غەيرىي ھۆكۈمەت تەرەپ (بەلگىلىنىدىغان ياكى سايلىنىدىغان) ۋەكىللەر كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلغان. باش ۋالىي مەركىزىي قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ رەئىسلىكىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. ئەزالار پەقەت ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تاپشۇرغان قانۇن لايىھىسىنىلا مۇزاكىرە قىلغان، ئۇلاردا قانۇن چىقىرىدىغان ئەمەلىي ھوقۇق بولمىغان. پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاش پرىنسىپى بەلگىلەنگەن، سايلىغۇچىلار ناھايىتى يۇقىرى مال-مۈلۈك سالاھىيىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان، شۇنداقلا مۇسۇلمان سايلىغۇچىلار ئۈچۈن ئايرىم سايلام رايونى قۇرۇلغان. ئىسلاھات ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا چېقىلمىغان، بۇنىڭدا ئەنگلىيىپەرەس كۈچلەرنى يۆلەش، ھىندىستان بۇرژۇئازىيىسىنى ئۆزىگە تارتىش، دىنىي ماجىرا قوزغاش، ھىندىستاننىڭ مىللىي ھەرىكىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسەت قىلىنغان. 

مورى ئاكىمى

  • مورى ئاكىمى[يەشمىسى:]1819 — 1871) ياپونىيە توكۇگاۋا شوگناتلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ناگاسۇ ۋاسساللىقىنىڭ خوجىسى. ئەسلى ئىسمى چىڭچىن بولۇپ، كېيىن ئاكىمىغا ئۆزگەرتكەن. 1837-يىلىدىن باشلاپ غوجىلىققا ۋارىسلىق قىلغان. 1838-يىلىدىن باشلاپ مۇراتاكىيوتويو (1783 — 1855) نى ئىشلىتىپ، ۋاسساللىق سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا باشلىغان. رانگاكۇ ئىلمىنى (غەرب پەن-تېخنىكىسى) تەتقىق قىلىشقا ئىلھام بەرگەن. غەربنىڭ توپ-زەمبىرەك تېخنىكىسىنى قوبۇل قىلغان. 1849-يىلى پۇقرالارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرگەن. 1861-يىلى ناگاي تادا (1819 — 1863) نى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىپ ئوردا ۋە شوگناتنىڭ «دېڭىز قاتناش كەلگۈسى ستراتېگىيىسى» تاكتىكىسىنى قوللىنىشىنى تەكلىپ قىلغان. 1863-يىلى شەخسەن ئۆزى ئەجنەبىيلەرگە قارشى تۇرۇشقا ئاتلىنىپ، ئالدى بىلەن شىمونوسېكىدە چەت ئەل پاراخوتلىرىنى توپقا تۇتقان. شۇ يىلى 18-ئاۋغۇست سىياسىي ئۆزگىرىشىدە، ئۇنىڭ پايتەختكە كىرىشى مەنئى قىلىنىپ، ئىككىنچى يىلى ئوردا دەرۋازىسى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 1867-يىلى شوگناتقا قارشى جازا يۈرۈشى قىلىش مەخپىي يارلىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئەسلىدىكى ئەمىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1869-يىلى سۇيۇرغاللىق ۋە ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن ياماگۇچى ۋاسساللىقىنىڭ ھاكىمى بولۇپ، شۇ يىلى 6-ئايدا خىزمىتىدىن چېكىنگەن. 

موزارت

  • موزارت[يەشمىسى:]Wolfgang Amadeus Mozart، 1756 — 1791) ئاۋسترىيىلىك كومپوزىتور، ۋېنا كلاسسىك مۇزىكا ئېقىمىنىڭ ۋەكىللىك ئەربابلىرىدىن بىرى. كىچىكىدىن تارتىپ دادىسىدىن رويال، ئىسكىرىپكا ئۆگەنگەن ھەمدە مۇزىكا ئىجاد قىلىشقا كىرىشكەن. 1763-يىلى 6-ئايدا دادىسى ۋە ھامماچىسى بىلەن بىللە ياۋروپادىكى مەملىكەتلەرنى ساياھەت قىلىپ ئويۇن قويغان. كېيىن يۇرتى سالزبۇرگقا قايتقان. 1769 — 1772- يىللىرى ئۈچ قېتىم ئىتالىيىگە بېرىپ ئۆگەنگەن ۋە ئويۇن قويغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، سالزبۇرگ ئارخىئېپسكوپنىڭ ئوردىسىدا مۇزىكانت بولغان ھەمدە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1777-يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن، 1779-يىلى يەنە ئوردا ۋە ئىبادەتخانىنىڭ ئورگانچىسى بولغان. ئېپسكوپ بىلەن پىكىردە كېلىشەلمىگەنلىكتىن، 1781-يىلى خىزمىتىنى تاشلاپ ۋېناغا كەتكەن. 1787-يىلى ئاۋسترىيە كورۇل ئوردىسىدا كومپوزىتور بولغان. كېيىن بېرلىن، لېيپسىگ قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن «فېگارونىڭ تويى»، «دونخۇن»، «سىرلىق نەي» قاتارلىقلار بار.

موست

  • موست[يەشمىسى:]Johann Joseph Most، 1846 — 1906) گېرمانىيىلىك ئانارخىست. 1863 — 1868-يىللىرى گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، ئىتالىيە ۋە شۋېتسارىيە قاتارلىق جايلاردا تۈپلەش ئىشچىسى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. كېيىن ۋېنا قاتارلىق جايلاردىكى سوتسىيالىستىك گېزىتلەرنىڭ تەھرىرى بولغان. ئاۋسترىيىدە ئىنقىلابىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، بەش يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ، بېرلىندا «ئەركىنلىك گېزىتى» نىڭ تەھرىرى بولغان. 1874 — 1878-يىللىرى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1878-يىلى «سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئەنگلىيىدە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن. 1879-يىلى 1-ئايدا، لوندوندا ئانارخىستلار ژۇرنىلى «ئەركىنلىك» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، قانۇنىي كۈرەشكە قارشى تۇرۇپ، شەخسىي تېررورلۇق سىياسىتىنى تەرغىپ قىلغان، دەرھال قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان، «سول» چىل قۇرۇق شوئارلارنى ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ ئورنىغا قويغان ھەمدە يېڭى پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشنى چاقىرىق قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك قىلغان. ماركس، ئېنگېلسنىڭ پاش قىلىشى ۋە تەنقىد قىلىشى ئارقىسىدا، 1880-يىلى پارتىيىدىن چىقىرىلغان. 1881-يىلى چار پادىشاھ ئالېكساندر Ⅱ نى ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى گېزىت-ژۇرناللاردا ئاشكارا ماختىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1882-يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ ماكانلاشقان، «ئەركىنلىك» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەتسىزلىكنى داۋاملىق تەشۋىق قىلغان.

موسسادېگ

  • موسسادېگ[يەشمىسى:]Muhammad Mossadegh، 1880 — 1967) ئىراننىڭ باش ۋەزىرى (1951— 1953). ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. فرانسىيە ۋە شۋېتسارىيىدە ئوقۇپ، قانۇنشۇناسلىق بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1921 — 1923-يىللىرى ئەدلىيە ۋەزىرى، مالىيە ۋەزىرى، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1949-يىلى مىللىي فرونت قۇرۇپ، ئىستىبداتلىققا قارشى تۇرۇپ، نېفىتنى دۆلەتنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەلەپ قىلغان. 1951-يىلى باش ۋەزىر بولغاندىن كېيىن نېفىتنى دۆلەتنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىشنى جاكارلىغان («ئىراننىڭ نېفىتنى دۆلەتنىڭ ئختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش ھەرىكىتى» گە قاراڭ). 1952-يىلى 7-ئايدا ئىستېپا بەرگەن، شۇ ئايدا يەنە باش ۋەزىر قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. ئىككىنچى يىلى ھەربىيلەر سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1956-يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئىزچىل نەزەربەند قىلىنغان.

موسكۋا باياناتى

  • موسكۋا باياناتى[يەشمىسى:]تولۇق ئاتىلىشى «ھەرقايسى ئەللەر كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە ئىشچىلار پارتىيىلىرى ۋەكىللىرى يىغىنىنىڭ باياناتى». 1960-يىلى 11-ئايدا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن 81 كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ئىشچىلار پارتىيىسى ۋەكىللىرى يىغىنىدا ماقۇللانغان. «بايانات» ئالتە قىسىمغا بۆلۈنگەن. ئۇنىڭدا جاھانگىرلىكنىڭ تەبىئىتى ئۆزگەرمىگەنلىكى، ئامېرىكا جاھانگىرلىكى دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكى، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم كۈچ ئىكەنلىكى، رېۋىزىئونىزمنىڭ ماركسىزم-لېنىنىزمنىڭ جېنىنى پۈچەكلەشتۈرۈشىگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق نۇقتىئىنەزەرلەر مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ۋە ھەرقايسى ئەللەر كوممۇنىستىك پارتىيىلىرى ۋە ئىشچىلار پارتىيىلىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنىڭ مىزانى بەلگىلەنگەن. شۇنداقلا كاپىتالىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈشنىڭ شەكلى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

موسكۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى

  • موسكۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى[يەشمىسى:]ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلىشىشنىڭ ئالدى-كەينىدە سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى موسكۋادا ئۆتكۈزگەن خەلقئارا يىغىن. بىرىنچى قېتىملىق يىغىنىدا (1943-يىل 10-ئاينىڭ 19 — 30-كۈنلىرى) ئاساسەن فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنى تېز ئاياغلاشتۇرۇش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى تىنچلىقنى ئورنىتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان، تىنچلىق ۋە ئامانلىقنى كاپالەتلەندۈرىدىغان خەلقئاا تەشكىلات (ب د ت) نى تېزدىن قۇرۇش بىردەك ماقۇل كۆرۈلگەن؛ زوراۋانلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈلگەن گىتلېرچىلارنى سوراققا تارتىش ۋە جازالاش؛ ئاۋسترىيىنى گېرمانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىش، ئىتالىيىدە دېموكراتىيە تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلار جاكارلانغان (يىغىننىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يەنە جۇڭگو ۋەكىلى تەكلىپ قىلىنغان). يىغىن بىر ئاخباراتتىن باشقا يەنە تۆت خىتاپنامە ئېلان قىلغان. ئىككىنچى قېتىملىق يىغىندا (1945-يىل 12-ئاينىڭ 16 — 26-كۈنلىرى) ئاساسەن ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياۋروپا ۋە يىراق شەرقتىكى بەزى زور مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. يىغىندا ئىتالىيە، رومىنىيە، بۇلغارىيە، ۋېنگرىيە، فىنلاندىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەتكە قارىتا سۈلھ شەرتنامىسى تەييارلاش قارار قىلىنغان؛ يىراق شەرق كومىتېتى ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ياپونىيىنى ئىدارە قىلىش كومىتېتى قۇرۇلغان؛ چاۋشيەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشقا ياردەملىشىپ، مۇستەقىل دېموكراتىك چاۋشيەننى يېڭىباشتىن قۇرۇش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىدىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە كومىتېت تەشكىل قىلىنغان؛ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قاتارلىق چەت دۆلەتلەرنىڭ چەت ئەل ئەسكەرلىرىنى جۇڭگودىن تېزرەك چېكىندۈرۈپ چىقىش قايتا تەكىتلەنگەن؛ رۇمىنىيە، بۇلغارىيە ھۆكۈمىتىنى تەشكىل قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللانغان؛ ب د ت تەرىپىدىن ئاتوم ئېنېرگىيىسىنى ئىدارە قىلىش كومىتېتى تەشكىل قىلىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. 

موسكۋا خىتابنامىسى

  • موسكۋا خىتابنامىسى[يەشمىسى:]تولۇق ئاتىلىشى «سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر كوممۇنىستىك پارتىيىلىرى ۋە ئىشچىلار پارتىيىلىرى ۋەكىللىرى يىغىنىنىڭ خىتابنامىسى». 1957-يىل 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر كوممۇنىستىك پارتىيىلىرى ۋە ئىشچىلار پارتىيىلىرى ۋەكىللىرى يىغىنىدا ماقۇللانغان. يىغىنغا ئالبانىيە، بۇلغارىيە، ۋېنگرىيە، ۋيېتنام، گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، جۇڭگو، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى، موڭغۇلىيە، پولشا، رۇمىنىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە چېخوسلوۋاكىيە قاتارلىق 12 دۆلەتنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ئىشچىلار پارتىيىسى ۋەكىللىرى ئۆمىكى قاتناشقان. خىتابنامە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن، ئاساسىي مەزمۇنى: خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ تەجرىبىلىرى يەكۈنلەنگەن، ھەرقايسى ئەللەردىكى كوممۇنىستىك پارتىيىلەرنىڭ ئورتاق كۈرەش ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۆكتەبر ئىنقىلابى يولىنىڭ ئومۇمىي ئەھمىيىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ ئورتاق قانۇنىيىتى يىغىنچاقلانغان، ماركسىزم-لېنىنىزملىق پارتىيىلەر ۋە سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك مىزان بەلگىلەنگەن. خىتابنامىدە، ھازىرقى شارائىتتا، رېۋىزىئونىزم خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىدىكى ئاساسىي خەۋپ، دەپ كۆرسىتىلگەن. 16 — 19-كۈنلىرى، 64 كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ئىشچىلار پارتىيىسى ۋەكىللەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىغە «تىنچلىق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىشنى قارار قىلغان. 

موسكۋا قوزغىلىڭى

  • موسكۋا قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]1547-يىلى موسكۋا خەلقىنىڭ فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. ئىۋان Ⅳ تەختتە تۇرغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ھاكىمىيەت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چوڭ ئاقسۆڭەك شۇئىسكى (Шуйские) جەمەتى، بېلىسكى (Бельские) جەمەتى ۋە گىلىنىسكى (Глинские) جەمەتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. ئۇلار يەرلەرنى قوشۇۋېلىپ، ئېغىر ئالۋان-ياساق ئېلىپ، زوراۋانلىق قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىياسىي قالايمىقانچىلىق، يات مىللەتلەرنىڭ بېسىپ كىرىشى ئارقىسىدا، ھەرقايسى تەبىقىدىكى كىشىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ، سىنىپىي كۈرەش كەسكىنلەشكەن. 1547-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، موسكۋادا يۈز بەرگەن چوڭ ئوت ئاپىتى گلىنسكى جەمەتىگە قارشى چوڭ قوزغىلاڭنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىۋان Ⅳ يېقىن خىزمەتكارلىرى ۋە ئائىلە تەۋەسى بىلەن بىللە شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى ۋوروبېۋ (BopoбbeBo) كەنتىگە قېچىپ بېرىۋالغان. 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، قوزغىلاڭچى ئامما كىرىمىل سارىيىغا بېسىپ كىرىپ، گلىنىسكى جەمەتىنىڭ باشلىقىنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. يۇرىي گلىنىسكى (Юрий Глинский) ئۆلتۈرۈلگەن؛ گلىنىسكى جەمەتىنىڭ تۇرالغۇسى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن؛ مىخائىل گلىنىسكى (Михаил Глинский ) لىتۋاغا قاچماقچى بولۇپ قاچالمىغان، كېيىن چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان؛ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە سارايدا تۇرۇۋاتقان خوجىدارلىرى، ياساۋۇللىرى ئۆلتۈرۈلگەن. ئىۋان Ⅳ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ قوزغىلاڭنى ئاران باستۇرغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭغا روسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئاۋاز قوشقان. نۇرغۇن جايلاردىكى دېھقانلار ۋە يانچىلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، پومېشچىكلارنىڭ قورۇقلىرىنى كۆيدۈرگەن، ئۆزلىرىنى ئەزگەن خوجىدارلارنى ئۆلتۈرگەن. گلىنىسكى ئاقسۆڭەك-بەگ جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭدا ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. 

موسكۋا كىنەزلىكى

  • موسكۋا كىنەزلىكى[يەشمىسى:] ⅩⅤ — ⅩⅣ ئەسىرلەردىكى شەرقىي شىمال رۇسلىرىنىڭ فېئوداللىق دۆلىتى. پايتەختى موسكۋا بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ۋلادىمىر كىنەزلىكىدە يۇرىي ۋلادىمىروۋىچ (Юрий Владимирович، لەقىمى ئۇزۇن قول) تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (1125 — 1157) موسكۋا شەھىرىنى قۇرغان (1147). ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ۋلادىمىر كىنەزلىكىگە موسكۋا كىنەزلىكى دەپ نام بېرىلگەن. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بۆلۈنۈپ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، دۆلەت كۈندىن-كۈنگە روناق تېپىپ، داۋاملىق تۈردە ئەتراپتىكى كىنەزلىكلەرنى قوشۇۋالغان. 1328-يىلى، موسكۋا كىنەزى ئىۋان Ⅰ (ھەميان) پۇلغا ۋە موڭغۇللار بىلەن چېركاۋنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، كۈچلۈك رەقىبى كىنەز تىۋىرنى يېڭىپ، ۋلادىمىر كىنەزىلىك مەرتىۋىسىنى ئېلىپ، رۇس كىنەزلىكلىرىگە رەھبەرلىك قىلىشقا باشلىغان. دىمىترى دونېسكى تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (1359—1389)، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ لىتۋانلار ۋە موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرۈپ، موسكۋا چوڭ كىنەزلىكىنىڭ ھەرقايسى كىنەزلىكلەردىكى رەھبەرلىك ئورنىنى تىكلىگەن. ⅩⅤ ئەسىردە موسكۋا كىنەزلىكى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ، شەھەر ئاھالىسى ۋە ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، شەھەر جايلاردىكى فېئودال كىنەزلىكلەرنى يەڭگەن. 1480-يىلى، قىپچاق خانلىقى لىتۋا بىلەن بىرلىشىپ موسكۋاغا ھۇجۇم قىلىپ، يېڭىلىپ چېكىنگەن، شۇنىڭ بىلەن قىپچاق خانلىقىنىڭ رۇسلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقى ئاياغلاشقان. ئىۋان Ⅲ نىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە، پىسكوۋنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شەرقىي شىمالدىكى پۈتۈن رۇسلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، رۇسلارنىڭ ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن دۆلىتىنىڭ يادروسى بولۇپ قالغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، رۇسلار ئاساسەن بىرلىككە كېلىپ بولغان.

موسكۋا ئۇرۇشى

  • موسكۋا ئۇرۇشى[يەشمىسى:]سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەتەن ئۇرۇشىدا موسكۋا شەھەر ئەتراپى رايونىدا گېرمانىيە ئارمىيىسىنى تۇنجى قېتىم قاتتىق مەغلۇپ قىلغان ئۇرۇش. 1941-يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، گېرمانىيە ئارمىيىسى 80 دىۋىزىيە ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ موسكۋاغا كەڭ تۈردە ھۇجۇم قىلغان. شىمالدا ئىژۋتىن ئۆتۈپ، كالىنىنگراتنى بېسىۋالغان؛ جەنۇبتا ئوريولدىن ئۆتۈپ، تۇلاغا يېتىپ بارغان؛ ئوتتۇرا قىسىمدا پورودىنونى ئىشغال قىلغان، شۇنداق قىلىپ بىرلا ھۇجۇم بىلەن موسكۋانى ئىشغال قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلماقچى بولغان. لېكىن گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇمى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. 11-ئاينىڭ 15-كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسى 51 دىۋىزىيىنى توپلاپ، يېڭى ھۇجۇم باشلاپ، موسكۋاغا جەنۇب ۋە شىمال تەرەپتىن قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوتتۇرا قىسىمدىن بۆسۈپ كىرمەكچى بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ ئۈچ يۆنىلىش ئارمىيىسى قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ 1941-يىل 12-ئاينىڭ 6-كۈنى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ياندۇرقى يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى قايتۇرما ھۇجۇمنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇرغان، گېرمانىيە ئارمىيىسىنى غەربكە 100 — 250 كىلومېتر چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان. بۇ جەڭنىڭ غەلىبىسى گىتلېرنىڭ «چاقماق تېزلىكىدىكى ھۇجۇم» پىلانىنى تارمار قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە دۇنيا ئەللىرى خەلقىنىڭ فاشىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنى ئىلھاملاندۇرغان.

موشوشوⅠ

  • موشوشوⅠ[يەشمىسى:]Moshoeshoe Ⅰ، 1786 — 1870) موشېئۇ (Mosheu ياكى Moshweshwe) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى باسۇتو پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلغان پادىشاھ. باسۇتونىڭ شىمالىدىكى بىر كىچىك قەبىلە باشلىقى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1818-يىلى بىرنەچچە بېپۇنا قەبىلىسى ئىتتىپاق تۈزۈپ، تابابوسىئۇ (Thaba Bosiu) تاغلىق رايونىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئاستا-ئاستا باسۇتو مىللىتى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى شەكىللەندۈرگەن. ئەنگلىيە بىلەن بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، مۇستەقىللىكىنى قوغدىغان. 1843-، 1845-يىللىرى ئىككى نۆۋەت ئەنگلىيە بىلەن كېلىشىم تۈزگەن، ئەنگلىيە ئۇنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بۇلارنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. 1868-يىلى پادىشاھلىق ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىغا ئۆتكەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، 1871-يىلى پادىشاھلىق كاپې مۇستەملىكىسىگە قوشۇۋېتىلگەن.

موغۇل ئىمپېرىيىسى

  • موغۇل ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:]ھىندىستاندىكى ئىسلام دۆلىتى. 1526-يىلى، تېمۇرنىڭ ئەۋلادى بابۇر دېھلىنى ئىشغال قىلىپ، دېھلى سۇلتانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن قۇرغان. «موغۇل» (Mughal) دېگەن سۆز «موڭغۇل» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگەرگەن ئاھاڭى. بابۇر ئۆزىنى موڭغۇل دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن (ئۇنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر، ئانا جەمەتى موڭغۇل قېنىدىن بولۇشى مۇمكىن)، تارىختا ئۇنىڭ دۆلىتى موغۇل ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتالغان. ئەكبەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە (1556—1605)، زېمىنى تازا كېڭەيگەن. جەنۇبتىن باشقا، پۈتكۈل جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى قۇرۇقلۇقىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك بىرلىككە كەلتۈرگەن؛ ئىچكى جەھەتتە بىرقاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىسىدا، دۆلەت كۈندىن-كۈنگە قۇدرەت تاپقان. ⅩⅦ ئەسىردە روناق تېپىپ، ئىقتىسادىي گۈللەنگەن، مەدەنىيەت-سەنئىتى تەرەققىي تاپقان. ئەۋرەڭزېب ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، خەلق ئۈستىدىكى زۇلۇم كۈچەيگەن، ئىچكى قىسىمدا ماراتلار ۋە سېكلارنىڭ قوزغىلىڭى، تاشقىرىدا ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ بېسىپ كىرىشى ئارقىسىدا خارابلىشىشقا باشلىغان. 1857-يىلدىكى مىللىي قوزغىلاڭدىن كېيىن، باھادۇر شاھ Ⅱ ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن موغۇل ئىمپېرىيىسى ھالاك بولغان. 

موقەننا

  • موقەننا[يەشمىسى:]Mokanna، ؟— 783) 木坎纳 دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. مىلادى ⅤⅢ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى. ئەسلى ئىسمى قاسىم ئېبنى ھاكىم (Hashim ibn Hakim)، ھوف (مۇلۇ) ئەتراپىدا تۇغۇلغان. ئەسلى شوستىگەر. ئەبۇ موسلىم قوزغىلىڭى ۋە خوراساندىكى شىنباد قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، خۇراساننىڭ ۋالىيسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، باغدادتا 15 يىلغىچە قاماپ قويۇلغان. كېيىن تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ، مىلادى 776-يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئۆزىنى ئىلاھنىڭ سىمۋولى دەپ ئاتىۋالغان. يېشىل رەخت بىلەن يۈزىنى ياپقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا موقەننا (ئەرەب تىلىدا يۈزىنى ياپقانلار دېگەن مەنىدە) دەپ نام بېرىلگەن. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە، تەرغىبات ئېلىپ بېرىشقا ئۆز مۇرىتلىرىنى ئەۋەتكەن. كېيىن كېشنى (Kesh بۈگۈنكى شەھىرىسەبىز) تايانچ قىلىپ قورغان قۇرۇپ، جەڭگە رەھبەرلىك قىلغان. مىلادى 783-يىلى ئۇنىڭ قورغىنى خەلىپە قوشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانىكەن. «موقەننا قوزغىلىڭى» غا قاراڭ.

موقەننا قوزغىلىڭى

  • موقەننا قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]يەنى: «马堪纳起义».

موگادىسكو دۆلىتى

  • موگادىسكو دۆلىتى[يەشمىسى:]سومالىنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەر دۆلىتى. تەخمىنەن مىلادى 908-يىلى قۇرۇلغان. جۇڭگوغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. جېڭ خې ئەلچى بولۇپ جاۋابەن زىيارەت قىلغان. «مىڭ سۇلالىسى تارىخى. چەت ئەللەر تەزكىرىسى» ۋە «دېڭىز ساياھىتىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم» دېگەن كىتابلاردا مەخسۇس خاتىرىلەر يېزىلغان.

مول

  • مول[يەشمىسى:]1) يەنى توماس. مول. (2) جوسېف مول (Joseph Moll، 1813 — 1849). گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەربابى. سائەتساز ئائىلىسىدىن چىققان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا گېرمانىيە دېموكراتلىرىنىڭ مەخپىي تەشكىلاتى بولغان «ياش گېرمانلار» غا قاتناشقان. كېيىن ئەنگلىيىدە مۇساپىر بولۇپ تۇرغاندا، ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقى ۋە لوندوندىكى گېرمانىيە ئىشچىلار مائارىپى جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. 1847-يىلى 6-ئايدا ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىشقا قاتنىشىپ، كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى بولغان. 1848-يىلى ياۋروپادا ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، گېرمانىيىگە قايتىپ، ئىنقىلابىي تەرغىباتچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1848-يىلى كيۇلىندىكى سېنتەبر ۋەقەسىدىن كېيىن، پرۇسسىيە دائىرىلىرىنىڭ سۈرۈشتە قىلىشى ئارقىسىدا، مۇساپىر بولۇپ لوندونغا كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي يەنە يوشۇرۇن نام بىلەن ۋەتىنىگە قايتقان. 1849-يىلى 5-ئايدا ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى قوغداش كۈرىشىدە بادېن-پۇفارىس قوزغىلىڭىغا قاتناشقان، 6-ئاينىڭ 29-كۈنى جەڭدە ئېغىر يارىدار بولۇپ ئەسىرگە ئېلىنغان، ئۇزاق ئۆتمەي ۋاپات بولغان. ئېنگېلس ئۇنى «ئەڭ قەتئىي كوممۇنىزمچى، شۇنداقلا ئەڭ قەھرىمان جەڭچى» دەپ ئاتىغان. 

مولتكې

  • مولتكې[يەشمىسى:]1) ھېلمۇت كارل مولتكې ( Helmuth Karl Bernhard Von Moltke، 1800 — 1891). چوڭ مولتكېمۇ دېيىلىدۇ. گېرمانىيىلىك ھەربىي ئالىم، مارشال. دانىيىدە ئوفىتسېر بولغان. 1822-يىلى پروسىيە ئارمىيىسىگە ئالماشقان. 1836 — 1839 يىللىرى تۈركىيە ئارمىيىسىدە ھەربىي مەسلىھەتچى بولغان. كېيىن پروسىيە ئارمىيىسى شتابىدا خىزمەت قىلغان. 1858 — 1888-يىللىرى پروسىيىنىڭ (1871-يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيىنىڭ) باش شتاب باشلىقى بولغان، بىسماركنىڭ «قاتتىق قوللۇق سىياسىتى» نىڭ قىزغىن قوللىغۇچىسى بولغان. دانىيە ئۇرۇشى (1864-يىلى)، پروسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشى (1866-يىلى) ۋە پروسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى (1870 — 1871-يىلى) مەزگىللىرىدە جەڭ مەيدانى شتاب باشلىقى بولۇپ، ھەر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئەمەلىي قوماندانلىق قىلغان. 1871-يىلى مارشاللىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1867 —1891-يىللىرى، كۆپ قېتىم كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1872-يىلىدىن باشلاپ پروسىيە ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئەزاسى بولغان. ئۇنىڭ «1870 — 1871-يىللاردىكى پروسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى تارىخى» قاتارلىق ھەربىي ئىشلار توغرىسىدا يېزىلغان نۇرغۇن ئەسەرلىرى بار. (2) ھېلمۇت يوھاننېس مولتكې (Helmuth Johannes Ludwig Von Moltke، 1848 — 1916). كىچىك مولتكېمۇ دېيىلىدۇ. گېرمانىيە گېنېرالى. چوڭ مولتكېنىڭ جىيەنى. 1903-يىلى، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي لازىمەتلىكلەر باش شتاب باشلىقى بولغان. 1906 — 1914-يىللىرى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، جاھانگىرلىك ئۇرۇشى ئۈچۈن پائال تەييارلىق قىلغان. سىللېففېن ( Alfred Graf Von Schlieffen) پىلانىنى ئاساس قىلغان ھالدا، گېرمانىيىنىڭ يېڭى ئۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئەينى چاغدا «مولتكې-سېلېففېن پىلانى» دەپ ئاتالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مارنا دەرياسى جېڭىگە قوماندانلىق قىلىپ مەغلۇپ بولغانلىقتىن، 1914-يىل 9-ئاينىڭ 14-كۈنى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 

مولدوۋا كىنەزلىكى

  • مولدوۋا كىنەزلىكى[يەشمىسى:] مولداۋىيە (Moldavia) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅣ ئەسىردىن ⅩⅨ ئەسىرگىچە بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى فېئودال كىنەزلىك. زېمىنى بۈگۈنكى رومىنىيىنىڭ مولدوۋا (Moldowa) دېگەن يېرى ۋە بىسارابىيە (ھازىر ئوكرائىناغا تەۋە) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەدىمكى ئاھالىلىرى ئاساسەن گېتلار ۋە داشىيىلەردىن ئىبارەت. مىلادى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرى رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئاھالىلىرى پەيدىنپەي رىملاشتۇرۇلغان. Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرى رىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغان. Ⅵ — Ⅳ ئەسىرلەردە ھونلار ۋە ئافارلار ئۇ يەرگە بېسىپ كىرگەن. ئاندىن سلاۋىيانلار يېتىپ بارغان. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرى Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرى تۇنجى بۇلغارىيە پادىشاھلىقى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرى كۆپ قېتىم زېمىنى كېيىۋ روسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. 1350-يىلى يەنە ۋېنگرىيىگە تەۋە بولغان. 1359-يىلى مۇستەقىل مولدوۋا كىنەزلىكى بولۇپ قۇرۇلغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە پولشاغا بويسۇنغان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرى تۈركىيە سۇلتانىغا بېقىنغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە رەسمىي قوشۇۋېتىلگەن. 1812-يىلى چار روسىيە بىسارابىيىنى يۇتۇۋالغان. 1859-يىلى ۋالاخىيە كىنەزلىكى بىلەن بىرلىشىپ بىرلەشمە كىنەزلىك بولغان. 1861-يىلى رۇمىنىيە كىنەزلىكى دەپ ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ يەنىلا تۈركىيىگە تەۋە بولغان. 1877-يىلى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە مۇستەقىللىك جاكارلاپ رۇمىنىيە پادىشاھلىقى بولغان. 

موللېر

  • موللېر[يەشمىسى:]Moliere، 1622 — 1673) ئەسلى ئىسمى پوچېلىن (JeanBaptiste Poquelin) فرانسىيىلىك كلاسسىك كومېدىيە يازغۇچىسى. بۇرژۇئا ئائىلىسىدىن چىققان. ئۇ كىچىكىدىلا سەھنە ئەسىرىنى بەك ياخشى كۆرگەن. كېيىن ⅩⅥ ئەسىردىكى گۇمانىستلارنىڭ ئىلغار ئەنئەنىسىنى ۋە سانكادى ھەمدە قەدىمكى زامان پەيلاسوپلىرىنىڭ ماتېرىيالىستىك ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلغان. دادىسىنىڭ ئۇنى ئادۋوكات ۋە سودىگەر قىلىش ئارزۇسىنى رەت قىلىپ، تىياتىرچىلىققا بېرىلگەن. 1643-يىلى «نۇرلۇق تىياتىر ئۆمىكى» نى ئۇيۇشتۇرغان، كەسپىي جەھەتتىكى مەغلۇبىيەت مەسئۇلىيىتى تۈپەيلىدىن قەرزگە بوغۇلۇپ، تۈرمىگە ئېلىنغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، باشقا ئۆلكىلەردە 12 يىل ئايلىنىپ يۈرۈپ، مول ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئىگە بولغان. 1658-يىلى پارىژغا قايتىپ، رۇفۇس سارىيىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئويۇن قويۇپ، لۇئى ⅩⅥ نىڭ ماختىشىغا ئىگە بولغان. كېيىن پارىژدا كلاسسىك كومېدىيە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك يامان ئادەتلەرگە قاتتىق زەربە بەرگەن، فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ۋە چېركاۋنىڭ چىرىكلىكلىكى ۋە ساختىلىقىنى، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئاچكۆزلۈكى ۋە بېخىللىقىنى پاش قىلغان؛ ياۋروپا كومېدىيە سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ ھاياتىدا 37 كومېدىيە ئىجاد قىلغان. ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى ئەسىرى «ساختىپەز جاناب»، «بېخىل» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

مورىس

  • مورىس[يەشمىسى:]Moricz Zsigmond، 1879 — 1942) ۋېنگرىيىلىك يازغۇچى. دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بۇداپېشت گېزىتخانىسىدا مۇخبىر بولغان. 1908-يىلى تۇنجى ھېكايىلەر توپلىمى — «يەتتە دانە تومپۇر» نەشىر قىلىنغان. كېيىن ۋېنگرىيىنىڭ تۇنجى نەسرىي ئەسەرلەر يازغۇچىسى بولۇپ قالغان. ئەسەرلىرى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ھۆكۈمرانلارنىڭ دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيىسى پاش قىلىنغان، يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ نامرات تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە كرودىينىڭ فاشىستىك مۇستەبىتلىك تۈزۈمىگە قارشى تۇرغان. ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن «ئۇرۇق-تۇغقان»، «رولل سانتور»، «مەشئەل»، شۇنىڭدەك «ترانسىلۋانىيە» دېگەن ئۈچ قىسىملىق تارىخىي رومانى قاتارلىقلار بار.

موللېت

  • موللېت[يەشمىسى:]Guy Mollet، 1905 — 1975) فرانسىيە زۇڭلىسى (1956 — 1957). سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى. دەسلەپتە ئالاس شەھىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1923-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1939-يىلى «سوتسىيالىزمچى ئوقۇتقۇچىلار ئىتتىپاقى» نىڭ باش سېكرىتارى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1944-يىلى دېڭىز بوغۇزى ئۆلكىلىك ئازادلىق كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1945-يىلى فرانسىيە ئازاد بولغاندىن كېيىن ئالاس شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان، ئىككىنچى يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1946 — 1969-يىللىرى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1951 — 1969-يىللىرى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى (1946— 1947،1950 —1951)، مۇئاۋىن زۇڭلى (1951) بولغان. زۇڭلى بولغان مەزگىلىدە ئەنگلىيە ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مىسىرغا تاجاۋۇز قىلغان، ئالجىرىيە خەلقىنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى داۋاملىق باستۇرغان. بەشىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى (1958 — 1959) بولغان. 1964-يىلدىن كېيىن، ئۇ ئۆزگىرىپ، قارشى تۇرۇش مەيدانىدا تۇرغان.

مولليېن

  • مولليېن[يەشمىسى:]GaspardTheodore Mollien، 1796 —1872) فرانسىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى، دىپلوماتىيە ئەمەلدارى. دەسلەپ فرانسىيىنىڭ غەربىي ئافرىقىدىكى مۇستەملىكىلەر تايانچ پونكىتى بولغان سېن-لۇئىغا بارغان. 1817 — 1818-يىللىرى سېنېگال، گامبىيە ۋە نېگىر دەرياسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرگەن، 1823-يىلى يەنە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى كولومبىيە رايونىغا بېرىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلغان. 1828-يىلى فرانسىيىنىڭ ھايتىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان. 1831-يىلى كۇبادا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان. ئۇنىڭ «ئافرىقىنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى ساياھەت» دېگەن ئەسىرى بار. 

مولودسوۋ ئىش تاشلىشى

  • مولودسوۋ ئىش تاشلىشى[يەشمىسى:]c1885-يىلى روسىيىنىڭ ئورېخوۋو-زۇۋېۋو شەھىرىدىكى مولودسوۋ توقۇمىچىلىق فابرىكىسى ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى سانائەت كرىزىسى مەزگىلىدە، فابرىكا خوجايىنى مولودسوۋ كۆپ قېتىم ئىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىپ، جەرىمانىنى كۆپەيتىپ، ئىشچىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنى ئېغىرلاشتۇرغان. 1885-يىلى 1-ئايدا، سابىق روسىيە شىمال ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى مۇئىسېنكو (Пётр Анисймович Моисеенко، 1852 — 1923) پۈتۈن فابرىكىدىكى 8000 ئىشچىغا رەھبەرلىك قىلىپ ئىش تاشلاپ، جەرىمانىنى توختىتىش، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان، تەخمىنەن 600 ئادەم قولغا ئېلىنغان، 33 كىشى سوراققا تارتىلغان، مۇئىسېنكو سۈرگۈن قىلىنغان. لېكىن چار پادىشاھ ئىش تاشلاشتىن چۆچۈپ، قانۇننى تەڭشەپ، جەرىمانە پۇللارنى فابرىكا ئىگىسىنىڭ چۆنتىكىگە سالماي، ئىشچىلارنىڭ ئۆز ئېھتىياجىغا ئىشلىتىش كېرەك، دەپ جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ئىش تاشلاش ئىشچىلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش روھىنى نامايان قىلغان بولۇپ، روسىيىدە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مومسېن

  • مومسېن[يەشمىسى:]Theodor Mommsen، 1817 — 1903)، گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس. ياش ۋاقتىدا كىل داشۆسىگە كىرىپ، قانۇن ۋە تىلشۇناسلىقنى ئۆگەنگەن، ئاتاقلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئوقۇش نەتىجىسى يۇقىرى بولغان. 1848-يىلى لېيپسېگ داشۆسىنىڭ رىم قانۇنى پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان، ئەمما 1848-يىلقى ياۋروپا ئىنقىلابىدا دېموكراتىك ھەرىكەتكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، ئىشتىن بوشىتىلغان. 1852-يىلدىن باشلاپ شۋېتسارىيىنىڭ سيۇرېخ داشۆسى ۋە بروسلاۋ داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1858 — 1885-يىللاردا بېرلىن داشۆسىنىڭ قەدىمكى زامان تارىخى پروفېسسورى بولغان. 1863-يىلى پرۇسسىيە ئىتتىپاق پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1881-يىلى گېرمانىيە ئىمپېرىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۆمۈر بويى ئىجتىھات بىلەن ئىلىم تەتقىق قىلىپ، 1500 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ئەڭ داڭلىق ئەسىرى «رىم تارىخى» بولۇپ، بەش توملۇق قىلىپ يېزىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، تۆتىنچى تومىنى يازمىغان، ئەمەلىيەتتە تۆت توملۇق بولغان. ئالدىنقى ئۈچ تومىدا يىراق قەدىمكى زاماندىن جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگىچە بولغان قەدىمكى رىم تارىخى بايان قىلىنغان. بەشىنچى تومىدا رىمنىڭ ئىمپېرىيە دەۋرىدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلىرىنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. بۇ كىتابتا پومپېئى كەمسىتىلىپ، كائېسار مۇكەممەل ئادەم دەپ ماختالغان، ئاپتورنىڭ مەقسىتى قەدىمكىنى بۈگۈنكىگە ئوخشىتىپ، گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشىنى كائېسارغا ئوخشاش ئۇلۇغ ئادەمنىڭ ئورۇنلىشىغا توغرا كېلىدۇ، دېگەننى چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولغان. بۇ ئەسەر ماتېرىيال تاللاشقا جىددىي مۇئامىلىدە بولۇپ، سۆز-ئىبارىسى چىرايلىق، مول ئەدەبىيات قىممىتىگە ئىگە بولغانلىقتىن، 1902-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. كۆپ يىللىق ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈزۈپ چىققان «لاتىن ئويما يېزىقلىرىنىڭ تولۇق توپلىمى» دېگەن ئەسەر، رىمنىڭ قەدىمكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى مۇھىم ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنە «رىم پۇل تۈزۈمى تارىخى»، «رىمنىڭ دۆلەت قانۇنى» دېگەن ئەسەرلىرىمۇ بار.

مومىئې

  • مومىئې[يەشمىسى:]Felix Roland Moumie، تەخمىنەن 1925 — 1960) كامېرۇن خەلق ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى. دوختۇر. فرانسىيىنىڭ پارىژ داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1948-يىلى كامېرۇن خەلق ئىتتىپاقىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1955-يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1958-يىلى ئىتتىپاقنىڭ رەئىسى بولغان. 1959-يىلى جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن. ئىككىنچى يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى جەنۋەدە ئۆلتۈرۈلگەن.

موناستىر

  • موناستىر[يەشمىسى:]1) لاتىن تىلىدىكى Monasterium نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. كاتولىك دىنى ۋە پىراۋوسلاۋىيە دىنى تەقۋادارلىرىنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن يىغىلىدىغان ئورۇن. ئەرلەر موناستىرى ۋە ئاياللار موناستىرى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. مىلادى Ⅳ ئەسىردە دەسلەپ رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مەمۇرىي ئۆلكە مىسىردا مەيدانغا كەلگەن. Ⅵ ئەسىردە غەربىي ياۋروپاغا كېڭەيگەن. بۇنىڭ ئەڭ مەشھۇرى رىم شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كاسسىنو (Monte Cassino) تېغىدىكى بىرموناستر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. موناخلارنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى «دەھرىي ئالەمدىن ۋاز كېچىش»، شۇڭا غەربىي ياۋروپادىكى موناستىرلارنىڭ كۆپىنچىسى دەسلەپ ئادەم شالاڭ يەرلەردە ئورمانلىقنى كېسىپ يەر ئېچىپ پەرپا قىلىنغان. موناخلار ئادەتتە يېزا ئىگىلىك ۋە قول-سانائەت ئەمگەكلىرىگە قاتناشقان. كېيىن موناستىرلار پادىشاھ ۋە فېئوداللارنىڭ سوۋغىسىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، بارا-بارا فېئودال چوڭ يەر ئىگىلىرىدىن بولۇپ قالغان. يۇقىرى قاتلامدىكى مۇناخلار ئېكسپىلاتاتسىيىگە تايىنىپ كۈن كەچۈرۈپ، پۈتۈنلەي ئەمگەكتىن ئايرىلىپ قالغان. موناستىر دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماستىن بەلكى سودا-سانائەت بىلەنمۇ، مەسىلەن: ئۈزۈم ھارىقى ياساش ۋە ئۇنى سېتىش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللانغان. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى موناستىرلار مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ قالغان. موناستىرلاردا سوت، باشقۇرۇش ئورگانلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر تەسىس قىلىنىپ، پادىشاھتىن خىلمۇ خىل ئىمتىيازلارغا ئېرىشىپ، زومىگەرلەردىن بولۇپ قالغان. دېھقانلار قوزغىلىڭى داۋامىدا ھەمىشەم قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. ⅩⅥ ئەسىردىكى دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىدە ئېنگلاند، سىكاندىناۋىيە دۆلەتلىرى، نىدىرلاند، شوتلاندىيە ھەمدە گېرمانىيىدىكى پروتېستانت دۆلەتلىرىدىكى موناستىرلار تاقىۋېتىلگەن. كېيىن بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىدا غەربىي ياۋروپادىكى موناستىرلار يەنە زەربىگە ئۇچرىغان. لېكىن ⅪⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ موناستىرلار ئەسلىگە كەلگەن ۋە راۋاجلانغان. ھازىر ئاساسلىقى ئىتالىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، ئامېرىكا ھەمدە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرگە تارقالغان. (2) لاتىنچە Seminariun نىڭ مەنە تەرجىمىسى، بەزى چاغدا «سېمىنارىيە» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. كاتولىك دىنىنىڭ پوپ تەربىيىلەيدىغان شۆيۈەنى.

موناستىرلار ئىتتىپاقى

  • موناستىرلار ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئالبانىيىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى تەشكىلاتى. 1908-يىلى ئالبانىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن كۈچ كۆرسىتىپ نامايىش قىلىنىپ، كەينى-كەينىدىن ۋەتەنپەرۋەرلىك كۇلۇبلار قۇرۇلغان. شۇ يىلى 11-ئايدا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلغان ۋە ئۇنى باستۇرغان چاغدا، ھەرقايسى ۋەتەنپەرۋەر كۇلۇبلار موناستىردا (Monastir) يىغىلىش قىلىپ، بىرلىشىپ ئىتتىپاق قۇرغان. ۋەتەنپەرۋەرلەر ئالبانىيە خەلقىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىنى قوللىنىشنى بېكىتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مىللىي ھەرىكەتنىڭ ۋەزىپىسىنى مۇزاكىرە قىلغان، مەمۇرىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان.

مونتاگۇ-چېلمسفورد دوكلاتى

  • مونتاگۇ-چېلمسفورد دوكلاتى[يەشمىسى:] ھىندىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى دوكلات. ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرى مونتاگۇ بىلەن ھىندىستاننىڭ باش ۋالىيسى گراف چېلمسفورد بىرلىكتە تۈزگەن، 1918-يىلى 7-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلىنغان. بۇ دوكلاتتا ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يېڭى ئىسلاھاتنىڭ ھىندىستاندا ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم ھىندىستان ئەھۋالىنى قەرەللىك تەتقىق قىلىپ، ھىندىستانغا يېڭى ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىش مەسىلىسى تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سېلىنغان. بۇ دوكلارد «1919-يىللىق ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەشكىلىي قانۇنى» نىڭ ئاساسىغا ئايلانغان.

مونتاگۇ خىتابنامىسى

  • مونتاگۇ خىتابنامىسى[يەشمىسى:]ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرى مونتاگۇ (Edwin Samuel Montagu، 1879 — 1924) 1917-يىل 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلغان خىتابنامە. ئاساسەن كورزون بىلەن ئائۇستېن چىمبېرلىن تەرىپىدىن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭ مەقسىتى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھىندىستاندىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، خىتابنامىدە ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىكى مەقسىتى: ئاپتونومىيە تۈزۈلمىسىنى تەدرىجىي ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەسئۇل ھۆكۈمەتنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھىندىستاننى برىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت، دەپ جار سېلىنغان. كېيىن مونتاگۇ ھىندىستاننىڭ باش ۋالىيسى گراف چېلمسفورد (Frederick John Napier Thesiger, Viscount Chelmsford، 1868 — 1933) بىلەن بىرلىكتە مۇشۇ خىتابنامىنى ئاساس قىلىپ، 1918-يىلى 7-ئايدا «مونتاگۇ-چېلمسفورد دوكلاتى» نى ئېلان قىلغان.

مونتالۋو

  • مونتالۋو[يەشمىسى:]Juan Montalvo، 1832 — 1889)، ئېكۋادورلۇق يازغۇچى. ياش ۋاقتىدا فرانسىيىگە بېرىپ لامارتىن بىلەن تونۇشقان. 1860-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ، «دۇنيا گېزىتى» نى تەسىس قىلىپ (1866 — 1869)، ھاكىممۇتلەقلىكنى سۆككەن. 1879-يىلى سۈرگۈن قىلىنىپ، چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، ئەدەبىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ياۋروپا رومانتىك يازغۇچىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئەسەرلىرىنىڭ سۇژىتى كەڭ، ئەدەبىي ئۇسلۇبى جانلىق بولۇپ، تىغ ئۇچى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ۋە چېركاۋنىڭ قاراڭغۇلۇق كۈچلىرىگە قارىتىلغان. ھەجۋىي رومان «سىۋانتىس ئۇنتۇپ قالغان بابلار»، «ماقالىلەر توپلىمى»، «يەتتە ماقالە»، قىسقا ئوبزور «ئەخلاق گېئومېترىيىسى»، «كاتلىنارىياس» ۋە «مەككار پوپ» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

مونتانېللى

  • مونتانېللى[يەشمىسى:]Giuseppe Montanelli، 1813 — 1862). ئىتالىيىنىڭ گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئەربابى، دېموكراتچى. ھەق تەلەپ قانۇنى پروفېسسورى. بۇرۇنلا سېن-سىمونىزمغا ئېتىقاد قىلغان. 1843-يىلى ئېئاگگىلىنون (eiaggelion) چىلارنىڭ پروتېستانت ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1847-يىلى يېڭى گۇئېلفى پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1848 — 1849-يىللىرىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە ئىتالىيىنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ماززىنىنىڭ ئومۇمىي سايلام ئاساسىدا ئىتالىيە ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش يىغىنىنى ئېچىشنى قوللاپ، ئاۋسترىيە كۈچلىرىنى ئىتالىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1848-يىلى 10-ئايدا توسكانا ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئىتالىيە ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش يىغىنى چاقىرىشقا پائال تەييارلىق كۆرگەن. 1849-يىلى 2-ئايدا توسكانادىكى ئۈچ كىشىلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، توسكانا جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرگەن شۇنىڭدەك رىم جۇمھۇرىيىتى بىلەن قوشۇلۇپ كېتىش ئارزۇسىدا بولغان، لېكىن ئەمەلگە ئاشمىغان. 50-يىللىرى پارىژغا قېچىپ كەتكەن. 1854-يىلى «ئىتالىيە مەسىلىسى. ئىتالىيە ئىنقىلابىدىكى بىرقانچە تارىخىي ئىزاھاتلار توغرىسىدا مۇقەددىمە» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، 1848 — 1849-يىللاردىكى ئىنقىلابنىڭ ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، كەلگۈسىدىكى ئىتالىيە ئىنقىلابى سىياسىي ئىنقىلاب بولۇپلا قالماستىن بەلكى مۇقەررەر ھالدا ئىجتىمائىي خاراكتېر ئالىدۇ، دەپ ھېسابلىغان ھەمدە خىيالىي سوتسىيالىزم جەمئىيىتىنىڭ مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. 1859-يىلى توسكاناغا قايتىپ كەلگەن ۋە پىدائىيلار ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان، توسكانا ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش يىغىنىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. كىنەزنى ئاغدۇرۇشقا ئاۋاز بەرگەن. كېيىن ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان.

مونترېئۇكس ئەھدىنامىسى

  • مونترېئۇكس ئەھدىنامىسى[يەشمىسى:] قارا دېڭىزنىڭ بوغۇز تۈزۈمى توغرىسىدىكى ئەھدىنامە. سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، فرانسىيە، تۈركىيە، بۇلغارىيە، گرېتسىيە، رۇمىنىيە، يۇگوسلاۋىيە، ياپونىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق 10 دۆلەت 1936-يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنى شۋېتسارىيىنىڭ مونترېئۇكس(Montreux)شەھىرىدە ئىمزالىغان، 11-ئاينىڭ 9-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: ھەرقايسى ئەللەرنىڭ سودا پاراخوتلىرى دېڭىز بوغۇزىدىن ئەركىن ئۆتىدۇ؛ ئادەتتىكى چاغلاردا غەيرىي قارا دېڭىز ئەللىرىنىڭ كىچىك تىپتىكى ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ بوغۇزىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئەمما ئوخشاش بىرلا ۋاقىت ئىچىدە ئۆتىدىغان تونناژى 30 مىڭ توننىدىن، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر دۆلەتنىڭ 15 مىڭ توننىدىن ئېشىپ كېتىشكە؛ پاراخوتلارنىڭ سانى توققۇزدىن، قارا دېڭىزدا توختاش ۋاقتى 21 كۈندىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ. بۇ چەكلىمە قارا دېڭىز ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ؛ ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئەگەر تۈركىيە بىتەرەپ بولسا، ئۇرۇشۇۋاتقان ئەللەرنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ بوغۇزدىن ئۆتۈشىگە بولمايدۇ؛ ئەگەر تۈركىيە ئۇرۇشقا قاتناشقان بولسا، بوغۇزدىن ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىش-قىلماسلىقنى تۈركىيىنىڭ ئۆزى بەلگىلەيدۇ. بۇ بەلگىلىمە قارا دېڭىز ئەللىرىگىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ؛ 1923-يىلقى «بوغۇز تۈزۈمى ئەھدىنامىسى» گە ئاساسەن قۇرۇلغان «دېڭىز بوغۇزى خەلقئارا كومىتېتى» ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىدۇ؛ تۈركىيە دېڭىز بوغۇزىدا مۇداپىئە كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق. بۇ ئەھدىنامىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى 20 يىل بولىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، تۈركىيە بۇ ئەھدىنامىنىڭ 19-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، گېرمانىيە، ئىتالىيە پاراخوتلىرىنىڭ قارا دېڭىزغا كىرىشىگە يول قويغان، 1942-ۋە 1943-يىللىرى گېرمانىيىنىڭ تېز سۈرئەتلىك قۇرۇقلۇققا چىققۇچى پاراخوتلىرى بوغۇزدىن قايتا-قايتا ئۆتۈپ، سوۋېت ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «پوتسىدام كېلىشىمى» نىڭ روھىغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئەھدىنامىنى تۈزىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. 

مونتگومېرى

  • مونتگومېرى[يەشمىسى:]Bernard Law Mantgomery، 1887 — 1976)، ئەنگلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ مارشالى. سانخوست خانلىق ھەربىي شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. 1908-يىلى ئارمىيىگە كىرىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 1939 — 1940-يىللاردا ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ 3-دىۋىزىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، فرانسىيىدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇشقان، ئاخىرىدا دۇنكېرككە چېكىنگەندە دۆلىتىگە قايتقان. 1942 — 1943-يىللاردا ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ 8-كورپۇسىغا قوماندانلىق قىلىپ، شىمالىي ئافرىقىدىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋە ئالمېئىن جېڭىدە روممېل قوماندانلىقىدىكى گېرمانىيە-ئىتالىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، مەغلۇبىيەتنى غالىبىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق نام چىقارغان. 1943-يىلى 12-ئايدا 8-كورپۇسنىڭ سىتسىلىيە بىلەن ئىتالىيە يېرىم ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا قوماندانلىق قىلغان. 1944-يىلى مارشاللىققا ئۆستۈرۈلگەن. شۇ يىلى 6-ئايدا مۇئاۋىن قوماندانلىق سالاھىيىتى بىلەن ئېيزىنخا ئوئېرنىڭ نورماند قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭىگە قوماندانلىق قىلىشىغا ياردەملەشكەن ھەمدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ پۈتكۈل قۇرۇقلۇققا چىققۇچى قىسىملىرىغا قوماندانلىق قىلغان. 1944-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ 21-كورپۇسىغا قوماندانلىق قىلىپ، ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا تاكى گېرمانىيىنىڭ بالتىق دېڭىزى بويىدىكى رايونلىرىغا بارغانغا قەدەر ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلغان. 1945 — 1946-يىللاردا گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ گېرمانىيىنى ئىدارە قىلىش كومىتېتىدىكى ئەنگلىيە تەرەپ ۋەكىلى بولغان ھەمدە ئالمېئىن ۋىكوندى دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. 1946 — 1948-يىللاردا ئەنگلىيىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان. 1948 — 1951-يىللاردا ئەنگلىيە، فرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، ليۇكسىمبۇرگ دائىمىي مۇداپىئە ئورگىنى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1951 — 1958-يىللاردا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئالىي قوماندانلىق شتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان. 1958-يىلى پېنسىيىگە چىققان. 1960-، 1961-يىللىرى جۇڭگونى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلغان، «غەلىبىگە قاراپ مېڭىش»، «نورماندىدىن بالتىق دېڭىزىغىچە»،«ئالمېئىندىن ساگۇن دەرياسىغىچە»، «رەھبەرلىك قاتلىمىغا ئۆتۈشىدىغان يول» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

مونتې ئالبان

  • مونتې ئالبان[يەشمىسى:]Monte Alban)، مېكسىكىنىڭ كلاسسىك دەۋرىدىكى مۇھىم مەدەنىيەت خارابىلىرىنىڭ بىرى. ئوئاكساكا (Oaxaca) شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 20 كىلومېتر يىراقلىققا جايلاشقان، مونتې ئالباننىڭ مەنىسى ئاق تاغ بولۇپ، بۇ رايوننىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىر مەدەنىيەت-سەنئەت ۋە دىنىي مەركىزىدۇر. مەدەنىيەتنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى بىرىنچى مىڭ يىللارنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى «شەكىللىنىش مەزگىلى» گىچە سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن. خارابە كەڭ تۈزلەڭلىكتىكى بىرقانچە يۈز مېتر ئېگىزلىكتىكى تاغلىق جايغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ مەركىزى غەربتىن شەرققىچە 200 مېتر، شىمالدىن جەنۇبقىچە 300 مېتر كېلىدىغان تۆپىلىكتىن ئىبارەت. بۇ تۆپىلىككە ئىبادەتخانا، رەسەتخانا، توپ مەيدانى قاتارلىقلار ياسالغان. ئىمارەتلەرنىڭ تولىسى مىلادى Ⅰ ئەسىردىن Ⅲ ئەسىرگىچە بولغان كلاسسىك دەۋرگە مەنسۇپ بولسىمۇ، ئەمما غەربىي جەنۇبىي بۇرجەكتىكى «ئۇسسۇلچىلار ئىبادەتخانىسى» كلاسسىك دەۋردىن بۇرۇنقى ئىمارەتتۇر. قەبرىستانلىق تاغ قاپتىلىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەزگىللەردە ياسالغان بىرقانچە يەر ئاستى تاش قەبرىلەر بار.ئۇلار نەپىس تام سىزمىلىرى ۋە ئادەم رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ساپال كوزىلىرى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، يەتتىنچى قەۋىتىدىن يېشىل تاش، ئالتۇن، ئالتۇندىن ياسالغان ساۋۇت، ھالقا، ئالتۇن تاج ۋە باشقا ھەر خىل گۆھەرلەر قاتارلىق 500 نەچچە دانە بۇيۇم چىققان.

مونتېسسورى

  • مونتېسسورى[يەشمىسى:]Marita Montessori، 1870 — 1952)، ئىتالىيىلىك ئايال پېداگوك. گوللاندىيىدە تۇغۇلغان. 12 يېشىدا ئىتالىيىگە قايتقان. 1894-يىلى رىمدا تىببىي ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. خىزمەت ئۈستىدە ئاغرىق بالىلار كۆپ ئۇچراشقانلىقتىن، ئۇنىڭ روھىي كېسەللىك ۋە بالىلار مائارىپىنى تەتقىق قىلىشىغا تۈرتكە بولغان. 1898-يىلى ئاغرىق بالىلارنى داۋالاپ، پسىخولوگىيىلىك تۈز بېشىنى ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپ قۇرغان. 1904 — 1908-يىللاردا رىم داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1907-يىلى رىمنىڭ نامراتلار رايونىدا تۇنجى «بالىلار ئائىلىسى» نى قۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۈچ ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان بالىلارنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنى مۇۋاپىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىن ئەتكەن. ئۇ يەردە بالىلار ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، تەشەببۇسكارلىقنى جارىي قىلدۇرۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە ئىلھام بېرىش ئارقىلىق، بالىلارنى بىلىمگە ئىگە قىلىپ، «مونتېسسورىچە تەربىيلەش ئۇسۇلى» بارلىققا كەلتۈرۈلگەن. «بالىلار ئائىلىسى» بىر مەزگىل ياۋروپا-ئامېرىكا ئەللىرىگە تارقىلىپ، «مونتېسسورىچە تەربىيىلەش ئۇسۇلى» ئادەتتىكى بالىلار ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىغا سىڭگەن. «پېداگوگىكا»، «ئىنسانىيەت پېداگوگىكىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

مونتېسكيۇ

  • مونتېسكيۇ[يەشمىسى:]Charles Louis de Secondat baronde Le Brédeet de Montesquuieu، 1689 — 1755).فرانسىيىلىك قانۇنشۇناس، بۇرژۇئازىيە ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ مۇتەپپەككۇرى. ئەسلى ئىسمى شارل لۇئى دې سىكۇندا. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپلا قانۇن تەربىيىسى ئالغان. 1716-يىلى گراف مونتېسكيۇ دېگەن نامغا ئېرىشكەن ھەمدە بۇررىئۇ سوتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1728-يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە كىرگەن. ياۋروپا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولغان، كېيىن فرانسىيىگە قايتىپ كېلىپ ئىجتىھات بىلەن ئەسەر يېزىشقا كىرىشكەن. فېئودال ئىستىبدات تۈزۈمى ۋە دىنىي نادانلىقنى ئۆتكۈر مەسخىرە ۋە تەنقىد قىلغان. دىنىي نۇقتىئىنەزەر جەھەتتە تەبىئەت ئىلاھچىلىقىدا چىڭ تۇرغان. ئىجتىمائىي سىياسىي نۇقتىئىنەزەر جەھەتتە بولسا تەبىئىي ھالەتتە، كىشىلەر تەبىئەت قانۇنىنىڭ ئىدارە قىلىشىقا ئۇچراپ ئۆز-ئۆزىنى قوغدايدۇ، تىنچلىقتا بىللە تۇرىدۇ؛ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندىن كېيىن ئۇرۇش ھالىتىگە كىرىدۇ، شۇڭا جەمئىيەت قانۇن تۇرغۇزۇشقا موھتاج، قانۇن تۇرغۇزۇش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇغراپىيىۋى شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، لېكىن سىياسىي تۈزۈم ئەڭ مۇھىم ئامىل، ئۇ قانۇن روھى ۋە قانۇن تۈرغۇزۇشنىڭ مەزمۇنىنى بەلگىلەيدۇ؛ دېموكراتىك تۈزۈم، ئاقسۆڭەكلەر تۈزۈمى ۋە پادىشاھلىق تۈزۈمدىن ئىبارەت ئۈچ خىل توغرا ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ئىستىبداتلىق تۈزۈمىنىڭ قارىمۇ قارشى تەرىپى بولىدۇ، ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدۇر. ئەركىنلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ نىشانى بولغان قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش — دۆلەتنىڭ جېنى. قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ۋاسىتىسى — «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىۋېتىش»، يەنى قانۇن تۇرغۇزۇش، ئەدلىيە ۋە مەمۇرىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ ھوقۇقنى دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان ئۈچ ئاپپاراتىغا ئايرىۋەتكەندە، بۇلار بىر-بىرىنى تىزگىنلەپ، ئۆزئارا تەڭپۇڭ بولۇپ تۇرىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ بۇ تەلىماتى ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئامېرىكا ۋە فرانسىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش خىزمىتىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەن. مۇنتېسكيۇ يەنە بۇرژۇئا ئىجتىمائىيەتتىكى جۇغراپىيىچىلەرنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى «پارس مەكتۇپلىرى»، «رىمنىڭ گۈللىنىشى ۋە خاراپ بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا»، «قانۇن روھى»، «(قانۇن روھى توغرىسىدا) غا ئائىت مۇنازىرە» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

مونتېك

  • مونتېك[يەشمىسى:]Mattia Montecchi، 1816 — 1871)، ئىتالىيە گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئەربابى. 1834-يىلى رىم كاربونارلار پارتىيىسىگە قاتناشقان، 1843 — 1844-يىللاردىكى پاپاغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1846-يىلى قاماقتىن بوشىتىلغان. 1846 — 1848-يىللىرىدىكى رىم ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە ۋە 1848 — 1849-يىللاردىكى ئىتالىيە ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودا ۋە ئىجتىمائىي خىزمەت مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1862 — 1867-يىللاردا ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. شۇنىڭددىن كېيىن سىياسىي جەھەتتە مۆتىدىللەرگە ئەگەشكەن. 

مونتېلىئۇس

  • مونتېلىئۇس[يەشمىسى:]Oskar Montelius، 1843 — 1921)، شۋېتسىيىلىك ئارخېئولوگ، تىپشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىسى. 1863-يىلى ستوكھولىم دۆلەتلىك تارىخىي مۇزېيغا كىرىپ، شىمالىي ياۋروپانىڭ مىس قورال دەۋرىنى تەتقىق قىلىش، قەدىمكى قوراللارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات رەت تەرتىپىنى تىپلار بويىچە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تۆت دەۋرگە بۆلۈشتىن ئىبارەت يىلنامە تۈزۈش ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. كېيىن يەنە گرېتسىيە، ئىتالىيىلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى كلاسسىك مەدەنىيىتىنىڭ يىلنامىسىنى تەتقىق قىلىپ، ئارخېئولوگىيىلىك دەۋرلەرنى بېكىتىشكە تۆھپە قوشقان. 1880-يىلى دۆلەتلىك مۇزېينىڭ پروفېسسورى بولغان، كېيىن يەنە دۆلەتنىڭ قەدىمكى قورال-جابدۇقلار نازارەتچىلىكىگە تەيىنلىنىپ (1907 — 1913)، دۆلەتنىڭ قەدىمكى ئاسار-ئەتىقىلىرىنى ساقلاش ۋە ئاسراشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان. «گېرمانىيىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە سكاندىنوۋىيىنىڭ يىراق قەدىمكى زامان برونزا قورال دەۋرىنىڭ يىللار ئىلمى»، «ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقات ئۇسۇلى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

مونتېنېگرودىكى كەچلىك ئىبادەت

  • مونتېنېگرودىكى كەچلىك ئىبادەت[يەشمىسى:] مونتېنېگرو ھۆكۈمرانى دانىلو Ⅰ ئىسلام مۇرىتلىرىنى قىرغان ۋەقە (بۇ ئىدىئوم 1283-يىلدىكى ستسىلىيە كەچلىك ئىبادەتتىن قوبۇل قىلىنغان). ⅩⅦ ئەسىردە تۈركىيە مونتېنېگروغا كۆپ ھۇجۇم قىلغان. 1623- ۋە 1687-يىللىرى پايتەخت سېدىنىيىنى ئىشغال قىلىۋالغان. شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ بىر قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقتىن تۈركلەرنىڭ كەتمىنىنى چاپقان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا دانىلو Ⅰ مونتېنېگروغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن، 1702-يىلدىكى روژدېستۋو بايرىمى ھارپىسىدا كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق قىلىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى جۈملىدىن تۈركلەر، سلاۋىيانلار ۋە ئالبانلارنى تازىلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇش توختىمىغان.

مونتېۋىدېئو شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۇرۇشى

  • مونتېۋىدېئو شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۇرۇشى[يەشمىسى:]چوڭ ئۇرۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئارگېنتىنالىق مۇستەبىت روساس قوشۇن ئەۋەتىپ، ئوراگۋاي پايتەختى مونتېۋىدىئوغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان ئۇرۇش. روساس ئوراگۋايدىكى قىزىل، ئاق پارتىيىلەرنىڭ تالىشىشىدىن پايدىلىنىپ، 1839-يىلى قوشۇن باشلاپ ئوراگۋايغا باستۇرۇپ كىرگەن ھەمدە 1843-يىلى قىزىل پارتىيىنىڭ كونتروللۇقىدىكى مونتېۋىدىئونى مۇھاسىرىگە ئالغان، مۇھاسىرە 9 يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان. 1851-يىلى برازىلىيە ئوراگۋاينىڭ قىزىل پارتىيىسى بىلەن بىرلەشكەن ھەمدە ئارگېنتىنادىكى روساسقا قارشى گۇرۇھنىڭ سەردارى ئۇركۇئىزا (Justo Jose de Urquiza، 1801 — 1870) رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى يىلى كاسېروس (Caseros) تا روساسنىڭ ئارگېنتىنا قوشۇنىنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، مونتېۋىدېئونى مۇھاسىرىدىن قۇتۇلدۇرغان. ئەمما برازىلىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوراگۋاينىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بىر تالاي زېمىننى يۇتۇۋالغان. ئۇرۇش قىزىل، ئاق پارتىيىلەرنىڭ ھوقۇق تالىشىشىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن. 

مونتېۋىدېئو خىتابنامىسى

  • مونتېۋىدېئو خىتابنامىسى[يەشمىسى:] تولۇق نامى «مونتېۋىدېئو دېڭىز-ئوكيان قانۇنى خىتابنامىسى» بولۇپ، چىلى،پېرو، ئىكۋادور، سالۋادور، نىكاراگوئا، ئارگېنتىنا، پاناما، برازىلىيە ۋە ئۇراگۋايدىن ئىبارەت توققۇز دۆلەت 1970-يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇراگۋاينىڭ پايتەختى مونتېۋىدېئودا ئىمزالىغان. بۇ خىتابنامىدە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى دۆلەتنىڭ جۇغراپىيىلىك، گېئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە دېڭىز-ئوكيان بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئېھتىياجى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە قاراشلىق رايونىنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ھەمدە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆز قىرغىقىغا تۇتاشقان سۇ كۆلىمى، دېڭىز دائىرىسى ۋە ئۇنىڭ ئاستىنقى تۇپرىقىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى ياكى مەخسۇس تەۋەلىك ھوقۇقىنى 200 دېڭىز مىلىغا كېڭەيتىدىغانلىقى جاكارلانغان. ئۇ لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز-ئوكيان زومىگەرلىكىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىر زور تەرەققىياتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مونرو

  • مونرو[يەشمىسى:]James Monroe، 1758 — 1831) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1817— 1825) ۋىرگىنىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. جۇمھۇرىيەتچى، مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن قانۇنچىلىقنى ئۆگەنگەن. قوشما شتاتلار نىزامىنى تۈزۈگۈچىلەرنىڭ بىرى. 1790 — 1794-يىللاردا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1794 — 1796-يىللاردا فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق كونسۇل بولغان. 1799 — 1802-يىللاردا ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1803 — 1807-يىللاردا ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. شۇنداقلا زۇڭتۇڭنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى سۈپىتىدە، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئىسپانىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيىلىكلەر بىلەن زېمىن ۋە سودا مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. 1811 — 1817-يىللاردا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان. بۇ ئارىلىقتا بىر مەھەل قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1816-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1821-يىلى يەنە زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە پارتىيە ئىچىدىكى تالاش-تارتىش ئازايغانلىقى ئۈچۈن «ئىناق دەۋر» دەپ تەرىپلەنگەن. ئىچكى ئىقتىساد كاساتلىشىپ كەتكەن. قۇللۇق تۈزۈمنى ساقلاش-ساقلىماسلىق مەسىلىسى توغرىسىدا كۈرەش كەسكىنلىشىپ كەتكەن. ئىگىلىكنى قۇتقۇزۇش يۈزىسىدىن سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللانغان؛ دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى كەينى-كەينىدىن ئېلىپ بارغان. 1817-يىلى ئەنگلىيە بىلەن «روشىباگوت كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان. 1819-يىلى ئىسپانىيە بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، فلورىدا شىتاتىغا ئىگە بولغان. 1823-يىلى ئۇنىڭ «مونرونىزم» سىياسىتىنى ئېلان قىلغانلىقى ئامېرىكىنىڭ سىرتقا كېڭەيمىچىلىك يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسىدۇر. ۋەزىپىدىن قالغاندىن كېيىن قۇللۇق تۈزۈمنىڭ ھىمايە قىلغۇچىسى بولۇپ قالغان. 

مونرونىزم

  • مونرونىزم[يەشمىسى:]ئامېرىكا زۇڭتۇڭى مونرو 1823-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى دۆلەت مەجلىسىگە تاپشۇرغان خېتىدە ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان پرىنسىپ بولۇپ تارىختا مونرونىزم دەپ ئاتالغان. ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: ياۋروپادىكى ھەرقانداق كۈچلۈك دۆلەتنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر شۇنداق بولمىسا، ئامېرىكىغا دوستانە مۇئامىلە قىلمىغانلىق بولىدىغانلىقىنى جاكارلاش، «ئامېرىكا قىتئەسى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان، ماھىيەتتە ئامېرىكا قىتئەسىنى ئامېرىكا بۇرژۇئازىيىسىنىڭ قىتئەسىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان. شۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ بۇ شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسىتى ئەنگلىيە بىلەن روسىيە، پېروسىيە، ئاۋسترىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ «مۇقەددەس ئىتتىپاق» نىڭ لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئىشلىرىغا قول تىقىشىغا قارشى تۇرۇش، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا كېڭەيمىچىلىك قىلىشىنى يوشۇرۇشتىن ئىبارەت. 

مونود

  • مونود[يەشمىسى:]Gabriel Monod، 1844 — 1912) فرانسىيىلىك تارىخشۇناس. دەسلەپ گېرمانىيىگە ئوقۇشقا چىقىپ، گىتتىنگېن داشۆسىدە ئوقۇغان. رانگې ئىلمىي ئېقىمىنىڭ تارىخشۇناسلىق نەزەرىيىسى ۋە ئىلمىي تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغان. 1880-يىلى پارىژغا بېرىپ ئالىي سىفەندە دەرس بەرگەن. كېيىن ئالىي تەجرىبە-تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1897-يىلدىن باشلاپ ئېتىكا ۋە سىياسىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1905-يىلى فرانسىيە شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان. سېمىنار(Seminar) ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەخسۇس خادىملارنى يېتىشتۈرگەن. 1876-يىلى مەشھۇر تارىخشۇناسلىق ژۇرنىلى «تارىخ ئوبزورى» نى چىقارغان. پۈتۈن ھاياتىنى تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاش-رەتلەش ۋە تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان. 1888-يىلى «فرانسىيە تارىخ كىتابلىرى كاتولوگى» نى ئېلان قىلىپ، فرانسىيە تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئوبدان باھاسىغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن «مېروۋىن خاندانلىقىغا ئائىت تارىخىي ماتېرىياللارغا باھا»، «كارولىن خاندانلىقىغا ئائىت تارىخىي ماتېرىياللارغا باھا»، «مىشېللېنىڭ ھاياتى ۋە ئىدىيىسى» قاتارلىقلار بار. 

مونومۇتاپا پادىشاھلىقى

  • مونومۇتاپا پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]Monomutapa) ئافرىقىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ئەرەبلەر مۇئانومۇتاپاھ (Muanomutpah) دەيدۇ، مەنىسى «كان تېغى خوجايىنى» دېگەنلىك. ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا تالاش-تارتىش كۆپ. بىر ئېيتىلىشىچە، ⅩⅢ ئەسىردە شونالار (Shona) ھەربىي قەبىلە باشلىقى مۇتوتا (Mutota) نىڭ يېتەكچىلىكىدە، زىمبابۈۋىغا كىرىپ، ئۇنى مونومۇتاپا دەپ ئاتىغان، شۇنىڭدىن كېيىن ۋارىسلىق قىلىنىدىغان پادىشاھلىق نامى قىلىنغان. بىر مەزگىل چوڭ زىمبابۇۋى پايتەخت قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. ⅩⅤ — ⅩⅣ ئەسىرلەردە زىمنابۈۋىغا ۋە موزامبىك ھەم بوتسىۋانانىڭ بىر قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چانگامىرې(Changamire) دۆلىتى باش كۆتۈرۈپ، چوڭ زىمبابۈۋىنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، زانبىې دەرياسىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىرغىقىدىكى تاغلىق رايونغا چېكىنگەن. 1629-يىلى پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئۇنى بويسۇنۇشقا مەجبۇر قىلغان. 1700-يىلى چانگامىرېنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ، ئەرزىمەس كىچىك خەلىپىلىك بولۇپ قالغان. 

مونمۇ ئۇسېئائائۇ

  • مونمۇ ئۇسېئائائۇ[يەشمىسى:]Gaston Monmousseau، 1883 — 1960)، فرانسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئاتاقلىق ئەربابى. دېھقان ئائىسىلىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا تۆمۈريول ئىشچىسى بولۇپ، 1920 — 1921-يىللاردا تۆمۈريول ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باش سېكرىتارلىقىنى ئۆتىگەن.1922-يىلى فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. شۇ يىلىدىن باشلاپ 1926-يىلىغىچە بىرلەشكەن ئەمگەك بىرلەشمىسىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1926 — 1937-يىللاردا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىنتېرناتسىئونالى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1936 — 1940-يىللاردا فرانسىيە باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سېكرىتارى بولغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىغا سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1935-يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال رىۋېزىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، 1945-يىلى يەنە فرانسىيە باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 

موننېت

  • موننېت[يەشمىسى:]Jean Monnet،1888— 1979) فرانسىيىلىك ئىقتىسادشۇناس. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانسىيە سودا مىنىستىرلىكىنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئالاقىچى ئەمەلدارى ۋە فرانسىيىنىڭ ئانتانتا دۆلەتلەر تەمىنات ۋە ھاۋا قاتنىشى بىرلەشمە كومىتېتىدىكى ۋەكىلى بولغان. 1919 — 1923-يىللىرى خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئەنگلىيە-فرانسىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1940-يىلى فرانسىيە يېڭىلىپ قالغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ، ئەنگلىيىنى ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1943-يىلىنىڭ بېشىدا ئالجىرىيىگە بېرىپ، فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان ھەمدە ئىككىنچى يىلى 4-ئايدا ئەلچى بولۇپ ئامېرىكىغا بارغان. ئۇرۇشتىن كېيىن،ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئىشىغا بېرىلىپ كەتكەن، 1947-يىلى فرانسىيىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. غەربىي ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىگەن،شۇڭا ئۇ «ياۋروپانىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتالغان. 1952 — 1955-يىللىرى ياۋروپا كۆمۈر-پولات شېرىكچىلىكى ئالىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان، 1956 — 1975-يىللىرى ياۋروپانى قولغا كەلتۈرۈش بويىچە ب د ت ھەرىكەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 

مونىز

  • مونىز[يەشمىسى:]Antonio Gaetano de Abreu Freire Egas Moniz، 1874 — 1955) پورتۇگالىيىلىك نېرۋا كېسەللىكلىرى ئالىمى ۋە دىپلومات. ئافانسودا تۇغۇلغان. 1899-يىلى كوئىمبىرا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن فرانسىيىدىكى بوردېئۇش ۋە پارىژدا بىلىم ئاشۇرغان، نېرۋا كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1911 — 1944-يىللىرى لېسابون داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان ھەمدە لېسابون نېرۋا كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان، ئۇ مېڭە خروگىيىسىنىڭ بەرپاچىسى. 1903 — 1917-يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. مادرىددا تۇرۇشلۇق ئەلچى ۋە پورتۇگالىيىنىڭ پارىژ تىنچلىق يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولغان. 1918 — 1919-يىللىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىمۇ كۆپ خىل. 1949-يىلى شۋېتسىيىلىك خايېس بىلەن بىللە نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى تىببىي پەن مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. 

موھەممەد

  • موھەممەد[يەشمىسى:]Ala ud din Mohammed، ؟ — 1220) خارەزىمنىڭ ھۆكۈمرانى (1200 — 1220). 1204-يىلى، تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن گورخاننىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن گور خاندانلىقىنىڭ پارچىلانغانلىقىدىن پايدىلىنىپ ئافغانىستاننى تارتىۋالغان. 1210-يىلى تالاس دەرياسى ۋادىسىدا قارا خىتايلارنى) نى يەڭگەن. غەربتە پارس قاتارلىق جايلارغا بېسىپ كىرىپ، بىر مەھەل ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1218 — 1220-يىللىرى چىڭگىزخان قوشۇن تارتىپ ھۇجۇم قىلغاندا، مەغلۇپ بولۇپ قاچقان، كاسپىي دېڭىزىدىكى بىر كىچىك ئارالدا كېسەل بىلەن ئۆلگەن. 

موھېنجۇ-دارو

  • موھېنجۇ-دارو[يەشمىسى:]Mohenjo - Daro) «ئۆلگەنلەر تۆپىلىكى» دېگەن مەنىدە. ھىندى دەرياسى ۋادىسىدىكى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ خارابىسىنىڭ بىرى. ئورنى پاكىستاننىڭ سىند ئۆلكىسى تەۋەلىكىدە. 1922-يىلدىن ئېتىبارەن قېزىلغان بولۇپ، ھىندى دەرياسى ۋادىسىدا تا بۈگۈنگە قەدەر مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئۇ مۇھاپىزەت شەھىرى ۋە تۆۋەن شەھەردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ۋە كۆلىمى خاراپپانىڭكىدىن كۆركەم بولۇپ، ھىندى دەرياسى ۋادىسى مەدەنىيىتىنىڭ تىپىك شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. مۇھاپىزەت شەھىرىنىڭ تۆت ئەتراپىدا مۇداپىئەلىنىدىغان مۇنارە سېلىنغان، مۇنچا، ئامبار ۋە ئىككى گۇرۇپپا بىنا قاتارلىق مۇھىم بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى بار. بىنالار ئىچىدە ئۇزۇن زال ۋە مەجلىسخانا بار بولۇپ، ئۇ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى بولغان دەپ قارالماقتا. تۆۋەن شەھەردىكى ئاھالىلەر رايونلىرىدا كوچىلار رەتلىك، ئۆيلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس، ئاساسەن قىزىل خىش بىلەن سېلىنغان، بەزىلىرىگە مۇكەممەل سۇ چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلغان. موھېنجۇ-دارو مەدەنىيىتى برونزا قورال دەۋرىگە قەدەم قويغان. ئاھالىلەر ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئارپا، بۇغداي، زىغىر ۋە كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىغان، چارۋىچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان، پالتا، ئورغاق، ھەرە، پىچاق، ئىلمەك، خەنجەر، يا ئوقىنىڭ ئۇچى، نەيزە ئۇچى قاتارلىق مىس ياكى برونزا جابدۇق ۋە قوراللارنى ياسىيالايدىغان بولغان. ھۈنەر سەنئىتى «زىننەت بۇيۇملىرى»، ساپالچىلىق ۋە توقۇمىچىلىقتا خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. سودىدا ئۆز رايونىدىن باشقا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق جايلار بىلەنمۇ زىچ ئالاقە قىلغان. ئىشلەتكەن يېزىقى كۆپىنچە تامغا، ساپال ۋە مېتال ئەسۋابلار ئۈستىدە ساقلىنىپ، تېخىچە يېشىلمىگەن. موھېنجۇدارو مەدەنىيىتى تازا گۈللەنگەن چاغ — مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅩⅡ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅨ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا بولۇپ، ئادەتتە ئىپتىدائىي لۇپتولار ۋە ئىپتىدائىي ئاۋيۇلار ياراتقان، دەپ قارالماقتا. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1750-يىلى، باشقا مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكى ياكى يەر تەۋرەش، كەلكۈن قاتارلىق باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەيران بولغان. 

موئورلار

  • موئورلار[يەشمىسى:]Moors لاتىنچە Mauri دىن كەلگەن). (1) قەدىمكى رىملىقلارنىڭ قەدىمكى ماۋرىتانىيە (Mauretaniya ياكى Mauritania، ھازىرقى ئالجىرىيىنىڭ غەربىي دېڭىز بويىغا ۋە ماراكەش رايونىغا جايلاشقان) رايونىدىكى ئاھالىلەرنى ئاتىشى. (2) مىلادى Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرەبلەر شىمالىي ئافرىقىدىكى بەربەرلەر بىلەن بىللە ئىبىرىيە يېرىم ئارىلىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئەرەبلەر ۋە بەربەرلەرنى ئاتىشى. 1492-يىلى ئىسپانىيە يېرىم ئارالنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ، ئۇنى مورىسكولار دەپ ئاتىغان. شۇنداقلا شىمالىي ئافرىقا (مىسىردىن باشقا) دىكى ئەرەب مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاتىلىشى. (3) ئەرب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەرەبلەر بىلەن سەيلون (بۈگۈنكى سىرلانكا) زىڭگا رۇلارنىڭ توي قىلغاندىن كېيىنكى ئەۋلادلىرى. 

موئۇنتباتتېن

  • موئۇنتباتتېن[يەشمىسى:]Louis Mountbaffen، 1900 — 1979)، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە مارشالى. ئەسلى نامى باتتېنبېرگلىق لۇئىس فرانتىس ئالبېرت ۋېكتور نىخولاس (Louis Francis Albert Victor Nicholas Of Battenberg) بولۇپ، كورۇلىۋا ۋىكتورىيىنىڭ چەۋرىسى. 1913-يىلى دېڭىز ئارمىيە مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە دېڭىزئارمىيىسىنىڭ گېرمانىيە ئىشغالىيىتىدىكى فرانسىيە ۋە نورۋېگىيە پورتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىغا قوماندانلىق قىلغان. 1943 — 1946-يىللاردا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداش ئەللەر ئارمىيىسىنىڭ ئالىي باش قوماندانى بولغان. بىرمىدىكى ياپون ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغانلىقتىن، 1947-يىلى بىرمىنىڭ موئۇنتىباتتېن گرافى دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 1947 — 1948-يىللاردا ھىندىستاننىڭ باش ۋالىيسى بولغان، 1947-يىلى «موئۇنتىباتتېن لايىھىسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھىندىستاننى ھىندىستان ۋە پاكىستاندىن ئىبارەت ئىككى دومىنئونغا بۆلگەن. 1952 — 1954-يىللاردا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز فلوتىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1955 — 1959-يىللاردا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1956-يىلى دېڭىز ئارمىيە مارشالى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1959 — 1965-يىللاردا ئەنگلىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە شتاب باشلىقى ۋە شتاب باشلىقلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1974- يىلى جۇڭگونى زىيارەت قىلغان. 1979-يىلى 8-ئايدا قازاغا ئۇچرىغان. 

موئۇنتباتتېن لايىھىسى

  • موئۇنتباتتېن لايىھىسى[يەشمىسى:]يەنە «ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىك قانۇنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تۈزگەن ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى ئايرىپ ئىدارە قىلىش لايىھىسى. 1947-يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ھىندىستاننىڭ يېڭى تەيىنلەنگەن باش ۋالىيسى،گېنېرال موئۇنتباتتېن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: (1) ھىندىستان ھىندى دىنى مۇرىتلىرىنىڭ ھىندىستان دۆلىتى بىلەن ئىسلام دىنى مۇرىتلىرىنىڭ پاكىستان دۆلىتىگە ئايرىلىدۇ؛ ئىككى دۆلەت دومىنئونلۇق ئورنىغا ئېرىشىدۇ. (2) غەربىي شىمال چېگرا ئۆلكىسى، ئاسسام ئۆلكىسىنىڭ سىلخېت رايونىنىڭ پۇقرالىرى ئارىسىدا ھەمدە سىند ئۆلكىسىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىدا ئاۋاز بېرىش ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ ئۈچ ئۆلكە (رايون) نىڭ پاكىستانغا قاتنىشىشى ياكى ھىندىستانغا قاتنىشىشى قارار قىلىنىدۇ؛ (3) بېنگال ۋە پەنجاپ ئىككى ئۆلكىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى مۇسۇلمان پارلامېنت ئەزالىرى گۇرۇپپىسى بىلەن ھىندى دىنى مۇرىتلىرى پارلامېنت ئەزالىرى گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنىدۇ، ھەرقايسى گۇرۇپپىلار ئۆز ئالدىغا ئاۋاز بېرىپ، ئۆز ئۆلكىسىنىڭ دىنىي ئېتىقاد بويىچە ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈش-بۆلۈنمەسلىكى ۋە بۇ قىسىملارنىڭ ئۆز ئالدىغا پاكىستانغا ياكى ھىندىستانغا قوشۇلۇشىنى قارار قىلىدۇ؛ پەقەت بىر گۇرۇپپا قۇۋۋەتلىسىلا، بۆلۈپ ئىدارە قىلىش يولغا قويۇلىدۇ؛ (4) ھەرقايسى يەرلىك شتاتلار خالىغان بىر دومىنىئونغا قاتنىشىشنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر قاتناشمىسا، ئەنگلىيە بىلەن بولغان ئەسلىدىكى مۇناسىۋىتى ساقلاپ قېلىنىدۇ، ئەمما دومىنىئونلۇق ئورنى بولمايدۇ. بۇ لايىھە ھىندىستان خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما خەلق كونگرېسى پارتىيىسى بىلەن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1947-يىلى 7-ئايدا ئەنگلىيە پارلامېنتى «ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىك قانۇنى» نى ماقۇللىغان. 8-ئاينىڭ 14-ۋە 15-كۈنلىرى پاكىستان، ھىندىستان دومىنىئونلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قۇرۇلۇپ، بۆلۈپ ئىدارە قىلىش رەسمىي يولغا قويۇلغان. 1950-يىلى ۋە 1956-يىلى بۇ ئىككى دومىنىئون مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 

مائاش يېرى تۈزۈمى

  • مائاش يېرى تۈزۈمى[يەشمىسى:]چاۋشيەندىكى سىللا دۆلىتىدىكى يەر تۈزۈملىرىنىڭ بىرى. فېئوداللىق دۆلەت مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارغا يەرنى ماددىي مائاش ئورنىدا، ئەمەل دەرىجىسىگە قاراپ ئىنئام قىلىپ بەرگەن. مىلادى 687-يىلى (شېنۋېنۋاڭنىڭ 7-يىلى)دىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 689-يىلى (شېنۋېنۋاڭنىڭ 9-يىلى) مائاش يېرى توختىتىلىپ، ئىجارە يىغىشقا ئۆزگەرتىلگەن. 757-يىلى (جىڭدىۋاڭنىڭ 17-يىلى) ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، سىللانىڭ ئاخىرقى دەۋرىگىچە داۋاملاشقان. 

مۇئاۋىيە

  • مۇئاۋىيە[يەشمىسى:]Mu awiyah ibn Abi Sufyan، 600 — 680) ئۇمەييە خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى (661 — 680). قۇرەيىش قەبىلىسىدىكى ئۇمەييە جەمەتىدىن بولغان ئاقسۆڭەك باي سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئەبۇ سوفياننىڭ ئىككىنچى ئوغلى. مىلادى 640-يىلى سۈرىيىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 655-يىلى كېمە ئەترىتىنى باشلاپ، ئەرەب كېمە ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ، ۋىزانتىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. 657-يىلى ھەزرىتى ئەلى بىلەن خەلىپىلىكنى تالىشىپ، سىففىن جېڭىنى ئېلىپ بارغان. 661-يىلى ھەزرىتى ئەلى خاۋارىجلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن سۈرىيە ۋە مىسىردىكى چوڭ ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن خەلىپە قىلىپ تىكلىنىپ، ئۇمەييە خاندانلىقىنى قۇرغان. دەمەشق پايتەخت قىلىنغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە غەربتە شىمالىي ئافرىقىغا كېڭەيمىچىلىك قىلغان، شەرقتە خوراساننى بويسۇندۇرغان، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخاراغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. 669-يىلى شاھزادىنى قوشۇن تارتىپ ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتكەن. ئۆز ئوغلىنى ۋەلىئەھدى قىلىپ بېكىتكەن. خەلىپىلىك شۇنىڭدىن باشلاپ ۋارىسلىق بولۇپ قالغان. 

مۇجاھىدلار تەشكىلاتى

  • مۇجاھىدلار تەشكىلاتى[يەشمىسى:] 1905 — 1911-يىللىرىدىكى ئىران بۇرژۇئا ئىنقىلابىي ھەرىكىتىدە قۇرۇلغان رادىكال مەخپىي تەشكىلات. مۇجاھىد ئەرەبچە «Mujahid» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، «ھەققانىيەت ۋە ئېتىقاد ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان جەڭچى» دېگەن مەنىدە. 1905-يىلى ئىراننىڭ شىمالىي قىسمىدا ئەڭ بالدۇر پەيدا بولغان. كېيىن پۈتۈن مەملىكەتتە قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى ئومۇمەن قول سانائەتچىلەر، سودىگەرلەر، كىچىك پومېشچىكلار ھەم ئىشچىلار ۋە دېھقانلاردىن ئىبارەت. 1907-يىلى 9-ئايدا مەشھەددە «مۇجاھىد پروگراممىسى» ماقۇللىنىپ، دېموكراتىك ئاساستا ئومۇمىي سايلام ئېلىپ بېرىش؛ سۆز، يىغىلىش، ئۇيۇشۇش قاتارلىق ئەركىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ پادىشاھ ۋە بەگلەرنىڭ يەرلىرىنى دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىش؛ سەككىز سائەت ئىشلەش تۈزۈمىنى ۋە ھەقسىز ئومۇمىي مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويۇش، باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش تەلەپ قىلىنغان. بۇ تەشكىلات قوراللىق پىدائىيلار قىسمىنى قۇرغان. بۇ قوشۇن كېيىن ئىران ئىنقىلابىنىڭ ئاساسىي قوراللىق كۈچى بولۇپ قالغان. 

مۇتلەق يىللار ۋە نىسپىي يىللار

  • مۇتلەق يىللار ۋە نىسپىي يىللار[يەشمىسى:] قەدىمكى، ھازىرقى تارىخ يىللىرىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى، تارىخشۇناسلىق ۋە ئارخېئولوگىيىدە گۇمانىتارلىق يىل تەرتىپىنى بەلگىلەش ۋە خاتىرىلەشنىڭ ئاساسىي بەلگىسى. تارىختا ياكى ئارخېئولوگىيىدە مەلۇم بىر تارىخىي پاكىتنى ياكى مەلۇم بىر خارابە، يادىكارلىق، قالدۇق نەرسىنىڭ بېكىتكىلى بولىدىغان كونكرېت يىللىرى مۇتلەق يىللار دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ تارىخىي يازما خاتىرىلەر، ئويما خەتلەر، قالدۇق نەرسىلەر ۋە ئىلمىي دەۋر بولۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. مەسىلەن، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى مىلادى 476-يىلى ھالاك بولغان، بخىستۇن ئويما خەتلىرى مىلادىدىن 522 — 486 ئىلگىرىكى يىللىرى ئويۇلغان ۋە باشقىلار. كونكرېت يىلنى بېكىتكىلى بولمايدىغان، پەقەت سېلىشتۇرۇش ۋە ھۆكۈم قىلىش يولى بىلەن ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپىنى بەلگىلىگىلى بولىدىغانلىرى نىسپىي يىللار دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلار مەدەنىيەت قاتلىمى، قالدۇق نەرسىلەرنىڭ شەكلى قاتارلىقلار ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەت ۋە تارىخىي خاتىرىلەر بولمىغان قەدىمكى جەمئىيەتنىڭ مەلۇم دەۋرلىرى كۆپ ھاللاردا نىسپىي يىللار بويىچە ھېسابلىنىدۇ. تارىخشۇناسلىق ۋە ئارخېئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يىللارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش تېخنىكىلىق ئۇسۇلىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، يىللارنىڭ تەكشۈرۈلۈشىمۇ بارغانسېرى توغرا بولماقتا. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يىلنامىسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، تارىخشۇناسلىق ۋە ئارخېئولوگىيە جەھەتتىكى يىللارنى ھېسابلاش ئۇسۇلىمۇ ئىلگىرى ئوخشاش بولمىغان. لېكىن يېقىنقى ئەسىردىن بۇيان، ئومۇمەن مىلادى يىلنامىسى ئاساس قىلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئادەتلەنگەن يىلنامىسى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلدى. 

مۇختارىيەت پارتىيىسى

  • مۇختارىيەت پارتىيىسى[يەشمىسى:]ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىدىكى بىر گۇرۇھ. 1922-يىلى باردورى قارارىدىن كېيىن خەلق كونگرېسى پارتىيىسى رەھبەرلىك گۇرۇھى گەندى باشچىلىقىدىكى «ئۆزگەرتمەسلىك گۇرۇھى» بىلەن موتىلال نېھرو باشچىلىقىدىكى «ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار گۇرۇھى» غا بۆلۈنۈپ كەتكەن. «ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار گۇرۇھى» قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى ئىچىدە قارشىلىشىشتىن ۋاز كېچىپ، سايلامغا قاتنىشىپ، قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى ئىچىدە تۇرۇپ، كۈرەش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ تەشەببۇس 1922-يىلى 12-ئايدا چاقىرىلغان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ گائا يىللىق يىغىنىدا رەت قىلىنغان. «ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار» 1923-يىلى 3-ئايدا ئاللا ئاللاباد تا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، «ئاپتونومىيە پارتىيىسى» نى قۇرۇپ، پارتىيە پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان ھەمدە قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى سايلىمىغا قاتنىشىدىغان نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتىمەسلىكىنى بەلگىلىگەن ھەمدە خەلق كونگرېسى پارتىيىسى ئىچىدە تۇرۇپ خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ ئۆز پروگراممىسىنى يولغا قويۇشنى قولغا كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان. 1923-يىلى 11-ئايدا مەركىزىي قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى سايلىمىدا ئاپتونومىيە پارتىيىسىدىكىلەر 45 ئاۋازغا ئىگە بولۇپ، پۈتۈن ئاۋازنىڭ يېرىمىغا يېقىنلىشىپ قالغان. 1924-يىلى 11-ئايدا گەندى ئاپتونومىيە پارتىيىسىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى بولغان. داس (Chitta Ranjan Das) بىلەن سۆھبەت قىلىنغاندىن كېيىن «گەندى-داس كېلىشىمى» نى ئېلان قىلىپ، ئاپتونومىيە پارتىيىسىگە قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىدا خەلق كونگرېسى پارتىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەن. 1925 — 1928-يىللىرى ئاپتونومىيە پارتىيىسى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى كونترول قىلغان. پارتىيە ئىچىدە بارا-بارا ھەمكارلاشقۇچىلار گۇرۇھى شەكىللىنىپ، مۇستەقىل بولۇش تەلىپىدىن ۋاز كېچىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قوبۇل قىلغانلىقتىن تەدرىجىي پارچىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. 

مۇدىڭيۇڭ

  • مۇدىڭيۇڭ[يەشمىسى:]؟ — 1541) ۋيېتنام مۇ سۇلالىسى (شىمالىي سۇلالە) نىڭ قۇرغۇچىسى. سەلتەنەت نامى تەيزۇ. يىياڭ (خەيفاڭ) نىڭ گۇجەي دېگەن يېرىدىن. بېلىقچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئەسلى كېيىنكى لى سۇلالىسىدە مەنسەپدار بولغان، تۆۋەن دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىقتىن خەلپەت بەگلىككە كۆتۈرۈلگەن، ئەنشىنۋاڭ دەپ نام ئالغان، پەيدىنپەي چوڭ ھوقۇقنى ئىگىلىگەن. 1527-يىلى لىگۇڭ خاننى تەختتىن چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزى چىققان، يىل نامىنى مىڭدې دەپ ئۆزگەرتىپ، مۇ سۇلالىسىنى قۇرغان. 1529-يىلى ئورنىنى ئوغلى دىڭيىڭغا بېرىپ، ئۆزى شاھىنشاھ بولغان. لېكىن يەنىلا ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ تۇرغان. 1533-يىلى كېيىنكى لى سۇلالىسى جەنۇبتا قايتا دۆلەت قۇرۇپ، جەنۇب سۇلالىسى دەپ ئاتالغان، شۇنىڭ بىلەن جەنۇب-شىمال قارىمۇقارشى ھالىتى شەكىللەنگەن.

مۇرابىت دۆلىتى

  • مۇرابىت دۆلىتى[يەشمىسى:]Murabits نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، يەنى مۇرابىت خاندانلىقى. «داۋان سىرتىدىن جاۋابلار»، «چەت ئەللەر تەزكىرىسى» قاتارلىقلاردا مەخسۇس ماددا قىلىپ خاتىرىلەنگەن.

مۇرابىت خاندانلىقى

  • مۇرابىت خاندانلىقى[يەشمىسى:]ئەل مۇراۋىد خاندانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى، ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى بەربەرلەرنىڭ فېئودال خاندانلىقى (1061 — 1147). Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى، بۈگۈنكى ماۋرىتانىيىنىڭ زېمىنىدا، بەربەرلەر قەبىلىسىدىكى ئىسلام تىنولوگى ئابدۇللا ئىبنى ياسىن (Abdalah ibn Yasin) «ئىسلام دىنىنى پاكلاشتۇرۇپ»، غەيرىي دىندىكىلەرگە قارشى «غازات» ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان، ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ئەسلى سىنگال دەرياسى ئىچىدىكى بىر ئارالدىكى موناستىردا (ئەرەبچە رىبات، ribatal ئولتۇرغانلىقتىن «مۇرابىتۇن» (al Murabitun دەپ ئاتالغان، بۇنىڭ مەنىسى مۇداپىئەلىك مۇناستىردا ئولتۇرغان كىشى دېگەنلىك. ئىسپانچە ئەل مۇراۋىد (Almoravides) دېيىلگەن. خاندانلىق شۇنىڭ بىلەن نام ئالغان. تەخمىنەن 1058 يىلى ئىبنى ياسىن ئۇرۇشتا ئۆلگەن. 1061-يىلى ئۇنىڭ ئىنىسى يۈسۈپ ئىبنى تاشفىن (Yusuf ibn Tashfin، 1061 — 1106-يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) مۇرابىت خاندانلىقىنى قۇرغان. 1062-يىلى ماراكەشنى (Marrakesh، ماراكەشنىڭ زېمىنىدە) پايتەخت قىلغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئىبىن تاشفىن بۈگۈنكى ماراكەش، ئالجىرىيىنىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرغان. 1086-يىلى يەنە ئىسپانىيىدىكى ئەرەبلەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ئىسپانىيىگە يۈرۈش قىلىپ، زاللاكا (Zallaka) جېڭىدە لېئون پادىشاھلىقى ۋە كاستىلىيە كورۇلى ئالفونسو Ⅵ نى مەغلۇپ قىلغان. ئارقىدىن ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ۋە شەرقىي جەنۇبىي قىسمىنى بېسىۋالغان. بۇ خاندانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىرى دېھقانلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ باج-سېلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن، خرىستىئانلار ۋە يەھۇدىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان، دەھرى مەدەنىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلغان. بۇ ھال خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1147-يىلى مۇۋاھىدە خاندانلىقى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. 

مۇرات

  • مۇرات[يەشمىسى:]Joachim Murat، 1767 — 1815) فرانسىيە مارشالى. نېئاپولنىڭ كورۇلى. كىچىك ساراي خوجايىنى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دىنىي تەربىيە ئالغان. 1787-يىلى ئەسكەرلىككە ئېلىنىپ ئاتلىقلار پولكىغا قاتناشقان. 1795-يىلى ناپولېئونغا ھەمكارلىشىپ، ئۈزۈم پىشىقى ئېيىنىڭ 13-كۈنىدىكى توپىلاڭنى باستۇرغان. ئاندىن ناپولېئونغا ئەگىشىپ ئىتالىيە جېڭى ۋە مىسىر جېڭىغا قاتناشقان. 1799-يىلى تۇمانلىق ئايدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە ناپولېئوننىڭ مۇھىم ياردەمچىسى بولغان. كېيىن تەپتىش ھۆكۈمەت مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ قوماندانى بولغان. 1800-يىلى ناپولېئوننىڭ سىڭلىسى كارولىنا (Caroline Bonarte، 1782 — 1839) نى ئالغان. ئىككىنچى قېتىملىق ئىتالىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1804-يىلى پارىژ شەھىرى مۇداپىئە قىسمىنىڭ قوماندانى بولغان. شۇ يىلى ئىمپېرىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن فرانسىيە مارشالى بولغان. 1805 — 1807-يىللىرى ئوستېرلىست، يېنا، ئېلو، فېردىلاند قاتارلىق جەڭلەرگە قاتناشقان. 1808-يىلى فرانسىيە قوشۇنىنى باشلاپ، مادرىد قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن نېئاپول پادىشاھلىقىغا يۆتكەلگەن. شۇ جايدا بەزى ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغان. 1812-يىلى روسىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1813-يىلى لېيپسېگ ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىتالىيىگە قايتىپ ئاۋسترىيە بىلەن مەخپىي سۆھبەت قىلىشقا باشلاپ، پادىشاھلىق تەختىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشمىغان. 1815-يىلى 3-ئايدا ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش نامى بىلەن ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغىغان. ئۇرۇشقا ئاتلىنىش بىلەنلا مەغلۇپ بولغان. فرانسىيىگە بارغاندا ناپولېئون ئۇنى قوغلىۋەتكەن. 10-ئايدا ئىتالىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، تەختنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغاندا ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. خەت-چەكلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان.

مۇراتⅠ

  • مۇراتⅠ[يەشمىسى:]Ⅰ(Murad، 1326 — 1389) ئوسمانىلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانى (1359 — 1389). ئورخاننىڭ كەنجە ئوغلى. تەختكە چىققاندىن كېيىن نامىنى سۇلتان دەپ ئۆزگەرتىپ، ياۋروپاغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلغان. 1362-يىلى ئادرىيانوپول (Adrianople، تۈركلەر ئۇنى ئەدىرنە Edirne دەپ ئاتىغان) نى ئالغان ھەمدە پايتەختنى ئۇ يەرگە كۆچۈرگەن. 1369-يىلى فراكىيىنىڭ شەرقىي قىسمىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك بېسىۋالغان. 1371-يىلى مارىتسا دەرياسى بويىدا سېربىيە، بۇلغارىيە، ۋالاخىيە ۋە ۋېنگرىيە بىرلەشمە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ماكېدونىيىنى بېسىۋېلىپ، ۋىزانتىيىنى بويسۇندۇرغان. 1385-يىلى سوفىيىنى ئالغان. ئىككىنچى يىلى يەنە نىشىنى ئالغان، بۇلغارىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى بويسۇندۇرغان، شەرقتە ئاناتولىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا كېڭەيمىچىلىك قىلغان، ئەنقەرەنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ، توكات (Tokat) قىچە بولغان كەڭ زېمىنگە ئىگە بولغان. 1389-يىلى 6-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان كوسوۋو جېڭىدە ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئوغلى بايازېت Ⅰ تەختكە چىققان. 

مۇراتⅡ

  • مۇراتⅡ[يەشمىسى:]MuraddⅡ، تەخمىنەن 1403 — 1451) تۈركىيە سۇلتانى (1421 — 1451). مۇھەممەت Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەخىتكە چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىسيان كۆتۈرگەن ئىنىسى مۇستافا (Mustafa، ؟ — 1424) نى قولغا چۈشۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. 1430-يىلى ۋېنېتسىيىدىن سېسالونىكانى تارتىۋالغان. 1443-يىلى پولشا قوشۇمچە ۋېنگرىيە كورۇلى ۋىلادىسلاۋ Ⅲ بىلەن ۋېنگرىيىنىڭ گېنېرالى ھۇنيادى قوماندانلىقىدىكى قوشۇن تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. نىشى بىلەن سوفىيە كەينى-كەينىدىن قولدىن كەتكەن. 1444-يىلى 8-ئايدا ۋېنگرىيىنىڭ جەنۇبىدىكى سېگېددا ۋېنگرىيە بىلەن ئون يىللىق سۈلھ شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان. ئۈچىنچى ئوغلى مۇھەممەتكە تەختنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي ۋېنگرىيە شەرتنامىنى يىرتىپ تاشلاپ، يېڭىباشتىن جەڭ قىلغانلىقتىن يەنە تەختكە ئولتۇرغان. شۇ يىلى 11-ئايدا ۋارنا جېڭىدە ۋېنگرىيە ۋە ۋالاخىيىنىڭ بىرلەشمە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. 1445-يىلى ئىككىنچى قېتىم تەختتىن چېكىنىپ يەنە دەرھال قايتا تەختكە ئولتۇرغان. ئالبانىيىگە ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، ئىسكەندەربېككە قوغلاپ زەربە بەرگەن. 1448-يىلى كوسوۋو تۈزلەڭلىكىدە ۋېنگرىيىنىڭ نائىبى ھۇنيادىنىڭ قوماندانلىقىدىكى قوشۇننى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن يەنە گرېتسىيىگە بېسىپ كىرىپ، كولىنىس قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىۋالغان. 

مۇراتورى

  • مۇراتورى[يەشمىسى:]Ludovico Antonio Muratori، 1672 — 1750) ئىتالىيىلىك تارىخشۇناس. بۇرۇن كۇتۇپخانىدا ئىشلەپ، ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى توپلاش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان. بىلىمى چوڭقۇر، 25 توملۇق تارىخىي ماتېرىياللار مەجمۇئەسى «ئىتالىيە تارىخى» نى كەينى-كەينىدىن رەتلەپ چىققان ۋە نەشىر قىلدۇرغان. بۇ ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخقا دائىر 2200 خىلدىن ئارتۇق ھۈججەت ماتېرىيالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ 2000 خىلى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ ئىلىم تەتقىق قىلىش پوزىتسىيىسى قاتتىق بولۇپ، تارىخنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تىرىشىپ ئېچىپ، تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىنى ئېنىقلاشقا ئىنتىلگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئىتالىيە يىلنامىسى» (12 توم)، «ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئاسارئەتىقىلىرى» (6 توم) قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن باشقا قەدىمكى يېزىق ئىلمى، قەدىمكى مېتال پۇل ئىلمى، پەلسەپە ۋە ئەدەبىيات قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلىرى بار. 

مۇرا ئوكاتسۇنېتسۇگا

  • مۇرا ئوكاتسۇنېتسۇگا[يەشمىسى:]1884 — 1946) ياپونىيىلىك تارىخشۇناس. ۋاسىدا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇغان. خىروسىما ئالىي دارىلمۇئەللىمى، تۇخوكۇ ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، توكيو ئىجتىمائىي-تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ پروفېسسورى بولغان. غەرب يازما يادىكارلىقلىرى ئىلمىنىڭ كلاسسىك تەتقىقات ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ياپونىيە ئىدېئولوگىيە تارىخىغا دائىر ماتېرىياللارنى رەتلەپ چىققان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن «موتورې نورىناگا»، «ياپونىيە ئىدېئولوگىيە تارىخىي تەتقىقاتى»، «ياپونىيە مەدەنىيەت تارىخىدىن قىسقىچە بايان» قاتارلىقلار بار. 

مۇراۋىيۇ-ئاپوستول

  • مۇراۋىيۇ-ئاپوستول[يەشمىسى:]Сергей Иванович МуравьевАиостол، 1796 — 1826) روسىيىلىك دىكابىرست. ئەسلى پىيادە ئەسكەرلەر پولكوۋنىكى. پېتېربۇرگ قاتناش قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. 1812 — 1814-يىللاردىكى ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1816-يىلى «ۋەتەن قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى» نى قۇرغان. 1821-يىلى جەنۇب جەمئىيىتىگە قاتناشقان ھەمدە ئۇنىڭ رەھبىرى بولغان. «ئەقىدە مەسىلىسى» نى تەييارلاپ، چار پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇمھۇرىيەتلىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشنى چاقىرىق قىلغان. 1825-يىلى 12-ئايدا چىرىنگوۋ پولكىغا رەھبەرلىك قىلىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشكەن. 1826-يىلى 7-ئايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. 

مۇراۋىيىۋ

  • مۇراۋىيىۋ[يەشمىسى:]Никита Миxайлович Муравьёв، 1796 — 1843) روسىيە دىكابرستلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. گۋاردىيە ئوفىتسېرى. موسكۋا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1812-يىلىدىكى ناپالېئونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان . دىكابرستلارنىڭ سىياسىي تەشكىلاتى بولغان «ۋەتەن قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى» (كېيىن «بەختىيار جەمئىيەت» دەپ ئۆزگەرتىلگەن) نىڭ ئەزاسى. 1821-يىلى شىمال جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. روسىيە دۆلىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تەييارلىغان. يانچىلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، زوراۋانلىققا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى چاقىرىق قىلغان. ئۇ دىكابرست مۇتەپپەككۇر ئىدى. 1825-يىلى 12-ئايدا قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى 20 يىللىق ئېغىر ئەمگەك جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن. سىبىرىيىدىكى سۈرگۈن قىلىنغان جايدا ئۆلگەن. 

مۇرايىۋ-ئامۇرىسكى

  • مۇرايىۋ-ئامۇرىسكى[يەشمىسى:]Николай НиколаевичАмурскийМуравьёв، 1809 — 1881) چارروسىيە زېمىن باسقۇنچىسى. ئاقسۆڭەكلەر ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىغا (1828 — 1829)، پولشا مىللىي قوزغىلىڭى(1830 — 1831)نى باستۇرۇش ۋە كاپكاز خەلقىنى قىرىش يولىدىكى بىرنەچچە قېتىملىق ھەربىي يۈرۈش (1838 — 1844) كە قاتناشقان. 1847 — 1861-يىللىرى شەرقىي سىبىرىيىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە جۇڭگوغا جېنىنىڭ بارىچە كېڭەيمىچىلىك قىلغان. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ (1854 — 1857) تۆت قېتىم نۇرغۇن ئەسكەر ۋە كېمىنى باشلاپ، جۇڭگونىڭ خېيلوڭجياڭ دەرياسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، جۇڭگونىڭ چوڭ بىر پارچە زېمىنىنى بېسىۋالغان. قورغان ياساپ، ئەسكەر تۇرغۇزۇپ، كولۇنىيە مۇستەملىكىسىنى تەسىس قىلغان. 1858-يىلى ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە قوشۇنىدىن پايدىلىنىپ، داگۇغا تاجاۋۇز قىلىپ، قورال كۈچى بىلەن تەھدىد سېلىش ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن پوپوزا قىلىش يولى بىلەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى «جۇڭگو-روسىيە ئەيخۇي شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، خېيلوڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى روسىيىنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي روسىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ، ئۇسسۇرى دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى بېسىۋالغان. چار پادىشاھى ئالېكساندر Ⅱ ئۇنىڭغا ئامۇر (خېيلوڭجياڭ) گرافى مەرتىۋىسىنى بەرگەن. 1861-يىلى خىزمىتىدىن چېكىنگەن. كېيىن پارىژدا ئۆلگەن. 

مۇرائى

  • مۇرائى[يەشمىسى:]ئەرەب تىلىدىكى Murai نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئىسلام دىنىدىكى شىئەلەرنىڭ ئىسمائىلىيە تارمىقى نىزارى مەزھىپىنىڭ كونا نامى. ساختىپەز دېگەن مەنىدە. «ئەسساسىن مەزھىپى» دىن پايدىلىنىلسۇن.

مۇرراي

  • مۇرراي[يەشمىسى:]Philip Murray، 1886 — 1952) ئامېرىكا سانائەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسىنىىڭ رەئىسى (1940 — 1952). شوتلاندىيىدە تۇغۇلغان. 1902-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغان. 1911-يىلى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. دەسلەپ كۆمۈر كان ئىشچىسى بولغان. 1904-يىلى يەرلىك كان ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1920 — 1942-يىللىرى مەملىكەتلىك كان ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1938-يىلى يېڭىدىن قۇرۇلغان سانائەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1940-يىلى بىرلەشمىنىڭ رەئىسى بولغان. روزۋېلتنىڭ سىياسىتىنى قوللاش فاڭجېنىنى ئىجرا قىلغان. 1942-يىلى يەنە تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر قوشۇمچە ئامېرىكا تۆمۈريول ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 

مۇرگۇ

  • مۇرگۇ[يەشمىسى:]Eftimie Murgu، 1805 — 1870) رۇمىنىيىلىك ئىنقىلابىي دېموكراتچى. ياسسى ۋە بوخارېستلاردا پەلسەپە، لوگىكا ئىلمى ۋە قانۇنشۇناسلىقنى ئوقۇتقان. ياش ۋاقتىدا كاتودور فىلاىمىرېسكۇ رەھبەرلىك قىلغان مىللىي ھەرىكەتكە قاتناشقان. 1840-يىلى مەخپىي ئىنقىلابىي جەمئىيەتكە قاتنىشىپ، ۋالاخىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ۋە دېھقانلارنى فېئوداللىق بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان. 1848 — 1849-يىللىرى رۇمىنىيىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بانات (Banat) رايونىنىڭ ئىنقىلابىغا قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. رۇمىنىيىنى سىياسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. ئىنقىلاب مەزگىلىدە، ۋېنگرىيە مەملىكەتلىك پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، مىللەتلەرنىڭ باراۋەر بولۇشىنى رۇمىنىيە بىلەن ۋېنگرىيە ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنىڭ بىرلىشىشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، بانات ئۆلكىسىدىكى رۇمىنىيىلىكلەر بىلەن مازار ئىنقىلاپچىلىرى ھەمكارلاشقان.

مۇرىس

  • مۇرىس[يەشمىسى:]1) فرېدېرىخ دېنىسون مۇرىس(Fredrick Denison Maurice ،1805-1872).ئەنگلىيىلىك تىئولوگ، خرىستىئان سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسچىسى، لوندون داشۆسى ۋە كېمبرىچ داشۆسىنىڭ پروفېسسورى. ئەدەبىيات، تارىخ ۋە ئىلاھىيەتتىن دەرس بەرگەن. 1839 — 1841-يىللىرى «مائارىپ ژۇرنىلى»نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. 1848-يىلى ئىنقىلاب پارتلىغاندا، خرىستىئان سوتسىيالىزمچىلىرىنىڭ يولباشچىسى بولغان. سىنىىپىي كۈرەشكە قاتتىق قارشى تۇرغان، خرىستىئان دىنى بىلەن سوتسىيالىزمنىڭ ئىدىيىۋى جەۋھىرى ئوخشاشلا مېھرىبانلىق، باراۋەرلىك ۋە ھەققانىيەتنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ قارىغان. ئىنسان تەبىئىتىنى ياخشىلاش ۋە كوپىراتسىيە ھەرىكىتى ئارقىلىق سوتسىيالىزمنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ «دۇنيادىكى دىنلار»،«ئەخلاق ۋە مېتافىزىكىلىق پەلسەپە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) ۋىليام موررىس( William Morris، 1834 — 1896) ئەنگلىيىلىك يازغۇچى، گۈزەل سەنئەت رەسسامى ۋە خىيالىي سوتسىيالىزمچى. ئوكسفورد داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان چېغىدا «ئوكسفورد-كېمبرىچ ژۇرنىلى»نى چىقىرىشقا ياردەملەشكەن ھەمدە بۇ ژۇرنالدا پات-پات ھېكايە، شېئىر ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ تۇرغان. كېيىن گۈزەل سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆي جاھازىلىرى، گىلەم، تام قەغىزى، پار-پۇر قاچا قاتارلىقلارنى لايىھىلەشتە، بولۇپمۇ كىتاب تۈپلەش سەنئىتىنى ياخشىلاش جەھەتتە ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان. كاپىتالىزم تۈزۈمىدىن نەپرەتلەنگەن، ھازىرقى زامان يىرىك سانائىتى ئىنسانلارنىڭ ئىجادىي ئەمگىكىنى ۋەيران قىلدى، دەپ قارىغان. ئوتتۇرا ئەسىر سەنئىتى ۋە قول سانائىتىنى قەدىرلىگەن، ئەخلاق ۋە گۈزەللىك تەربىيىسى ئارقىلىق رېئال جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىپ، غايىۋى جەمئىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1884-يىلى ئەنگلىيە سوتسىيالىزمچىلار ئىتتىپاقىنى قۇرۇشقا قاتناشقان، ئەنگلىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە پائال ئاتلانغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھۆكۈمەتسىزلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن «سوتسىيالىزم ھەققىدىكى شېئىرلار توپلىمى»، داستانلىرىدىن «ئۈمىد تاۋاباتچىسى»، ھېكايىلىرىدىن «يوھان بولنىڭ چۈشى»قاتارلىقلار بار.

مۇز ئۈستىدىكى شىددەتلىك جەڭ

  • مۇز ئۈستىدىكى شىددەتلىك جەڭ[يەشمىسى:] مۇزلۇق كۆل ئۈستىدىكى جەڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.1242-يىل ئەتىيازدا رۇسلارنىڭ گېرمانىيە تېوتون رىتسارلار پولكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى.1240-يىلى تېوتون رىتسارلار پولكى دانىيە، شۋېتسىيە فېئوداللىرى بىلەن شېرىكلىشىپ، رۇسقا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي تىياۋدۇن رىتسارلار پولكى پىسكوو شەھىرىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە داۋاملىق شەرققە قاراپ ئىلگىرىلەپ، نوۋگورود شەھىرىگە قىستاپ كەلگەن. نوۋگورود كىنەزى ئالېكساندر نېۋىسكىي نوۋگورود شەھىرى بىلەن سوزدال شەھىرىدىكى قوشۇنغا رەھبەرلىك قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئالدى بىلەن پېسكوۋ شەھىرىنى قايتۇرۇۋالغان. كېيىن ئىككى تەرەپ 1242-يىل 4-ئاينىڭ 5-كۈنى چود كۆلى(Чудckoeoз)دىكى مۇز ئۈستىدە شىددەتلىك جەڭ قىلغان. نوۋگورود غەلىبە قىلىپ، رىتسارلار پولكىدىن 400 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 50 كىشىنى ئەسىر ئالغان، ھەمدە رىتسارلار پولكىنى روسىيىدىن قوغلاپ چىقارغان. بۇ قېتىمقى جەڭ گېرمان فېئوداللىرىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىنى توسقان.

مۇزىكىشۇناسلىق قائىدىلىرى

  • مۇزىكىشۇناسلىق قائىدىلىرى[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى مۇزىكىشۇناسلىققا دائىر ئەسەر.1493-يىلى (چىڭزوڭنىڭ 24-يىلى)خاننىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، قائىدە-يۇسۇن، نەغمە-ناۋا مەھكىمىسىدىكى چېڭ چيەن (لەقىمى يۇڭ جەي)نىڭ رىياسەتچىلىكىدە مۇزىكا ئىشلىرى مەھكىمىسىدە ساقلانغان مۇراسىم قائىدىلىرى ۋە مۇزىكا نوتىلىرى تەرتىپكە سېلىنىپ، جەمئىي 9 جىلد كىتاب قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان. بۇ ئەسەر نەغمە-ناۋا قىسمى، ئىشلىتىش قىسمى ۋە چالغۇ ئەسۋاب، كىيىم-كېچەكلەر قىسمى دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. ھەربىر بۆلۈم يەنە يۇرت مۇزىكىلىرى، تاڭ مۇزىكىلىرى، ئېسىل مۇزىكىلار، ئادەتتىكى مۇزىكىلار دېگەن بابلارغا ئاجرىتىلغان ھەم قىستۇرما رەسىملەر بىلەن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئوردا مۇزىكىلىرىنىڭ مۇجەسسەملەشتۈرۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئەسەرنىڭ 5-جىلدىدىكى سەھرا مۇزىكىلىرى چاۋشيەننىڭ كورىيە خانلىقى دەۋرىدىكى خەلق ناخشا-قوشاقلىرىنى چۈشىنىشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر ساقلىنىۋاتقىنى 1610-يىلى (گۇاڭخەيجۇننىڭ 2-يىلى)لى يەنگۇي قاتارلىقلارنىڭ قايتا سېلىشتۇرۇپ نەشىر قىلغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مۇسا

  • مۇسا[يەشمىسى:]Congo Moussa، Mansa ياكى Masa، ؟ — 1332ياكى1337)، مالى پادىشاھلىقىنىڭ شاھى (1307-، 1312 — 1332-ياكى 1337).تەختتە تۇرغان مەزگىلدە دېھقانچىلىق بىلەن كانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەسچىت ۋە كۆركەم ئوردا سالدۇرغان، مىسىر، مەغرىپلەر بىلەن سودا، دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئورناتقان، زېمىنىنى كېڭەيتىپ، گائو پادىشاھلىقىنى يېڭىباشتىن بويسۇندۇرغان. 1324 — 1326-يىللاردا نۇرغۇنلىغان ھەمراھ خادىملارنى باشلاپ مەككىگە ھەج قىلغىلى بېرىپ، يول بويى ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى بۇزۇپ چاچقان. شۇنىڭدىن كېيىن مالى ئەينى زاماندا ئۆزىنىڭ بايلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان.

مۇسا

  • مۇسا[يەشمىسى:]Mousai، Musae Musa)قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتنى باشقۇرىدىغان توققۇز مەبۇدە. باش خۇدا زېۋىس بىلەن چىچەنلىك مەبۇدىسى منېموسىنې ( Mnemosyne) دىن توغۇلغان. گېرىتسىيىنىڭ شىمالىدىكى ئولېمپىيە تېغىنىڭ يېنىدىكى پېئېرىيە( Pieria)دا ئولتۇرغانلىقتىن، يەنە پېئېرىيە پەرىزاتلىرى دەپمۇ ئاتالغان. ھەمىشە خۇدالار ۋە باتۇرلار بىلەن بىللە بەزمە قىلىپ سەنئەت مەبۇدىسى ئاپوللوننىڭ كىفارىغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا ئېيتقان. ئۇلارنىڭ ئىسمى ۋە ۋەزىپىسى: كلىئو( Clio) تارىخىنى باشقۇرغان، ئېئۇتېرىې ( Euterre) لىرىكىلىك شېئىرلارنى باشقۇرغان، تالىيە( Thalia) كومېدىيىنى باشقۇرغان، مېلىپومېنې( Melpomene) تراگېدىيىنى باشقۇرغان، تېرپىشكورى( Terpsichore) ئۇسسۇلنى باشقۇرغان، ئېراتو( Erato) مۇھەببەتكە دائىر شېئىرلارنى باشقۇرغان، پولىمىنىيە(Polymnia) قەسىدىنى باشقۇرغان، ئۇرانىيە( Urania) ئاسترونومىيىنى باشقۇرغان، كاللىئوپې ( Galliope) داستاننى باشقۇرغان.

مۇسا

  • مۇسا[يەشمىسى:]Musa ibn Nusayr، 640-717)ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئۇمەييە خاندانلىقىنىڭ ئافرىقا باش ۋالىسى (705 — 715)بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، مەغرىپنى بويسۇندۇرۇپ، تانگېرنى بېسىۋالغان ۋە بەربەرلەرنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. مىلادى 711-يىلى ئۆز قوشۇنىنىڭ سەردارى تارىگ ( Tarig ibn Ziyad)نى جەبىلتارىق بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئىسپانىيىگە تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىپ، غەربىي گوت پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى تولېدونى ئالغان. 712-يىلى شەخسەن ئۆزى قوشۇن تارتىپ داۋاملىق ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، شىمالدا ساراگوساغا يېتىپ بېرىپ، پۈتكۈل ئىسپانىيىنى بويسۇندۇرغان. غەربىي گوت پادىشاھلىقى مۇنقەرز بولغان. كېيىن خەلىپە تەرىپىدىن قايتۇرۇپ كېتىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرى بەكمۇ نامرات ئۆتكەن، مەككىدە ئۆلگەن.

مۇستافا نەيما

  • مۇستافا نەيما[يەشمىسى:]Mustafa Naima، تەخمىنەن 1655 — 1716)تۈركىيىلىك تارىخشۇناس. ياش ۋاقتىدا ئوردىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1709-يىلى تارىخ ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ يىلنامىسىنى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭدا 1591-يىلدىن 1659-يىلغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا بولۇپ ئۆتكەن تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان.

مۇستەقىلچىلەر

  • مۇستەقىلچىلەر[يەشمىسى:]1) ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىدىكى مۇھىم دىنى-سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. پورىتانلار ئىچىدىكى رادىكاللارنىڭ بىر قانىتى بولۇپ، ⅩⅥ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن 90-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا شەكىللەنگەن. ئۇ ھەم ئانگلىكان جەمئىيىتىگە قارشى تۇرغان ھەم ئاقساقاللار گۇرۇھىغىمۇ قارشى تۇرغان. دىنىي رايونلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى، ئاقساقاللارنى ئەركىن سايلاشنى، دىن تارقىتىشقا ئېتىبار بېرىشىنى، مۇراسىملارغا سەل قاراشنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. سىياسىي جەھەتتە مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىنقىلابىي رەھبىرى كۈچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رەھبىرى كرومۋېل. 1642 — 1648-يىللىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئاستا-ئاستا پارلامېنت ۋە ئارمىيىنى تىزگىنلىگەن. 1649-يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ، باراۋەرچىلەر بىلەن يەر قازغۇچىلارنىڭ ئاممىۋى ھەرىكىتىنى باستۇرغان. 1653-يىلى جۇمھۇرىيەت قوغداش ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. چارلېس Ⅱ قايتا تىرىلگەندىن كېيىن، زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. (2) يېقىنقى زامان ئەنگلىيىسىدىكى ئەنگلىيە دۆلەت دىندىن ئالاقىنى ئۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان كۆپلىگەن مۇستەقىل دىنىي مەزھەپتىكىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، ئومۇم باشقۇرۇش جەمئىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھازىرغا قەدەر ئەنگلىيە شۇنىڭدەك باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردا ساقلانماقتا، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا ئەڭ كۆپ. 1891-يىلى خەلقئارا ئومۇم باشقۇرۇش جەمئىيىتى كومىتېتى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ مەركىزى لوندوندا تەسىس قىلىنغان.

مۇستەقىل رادىكاللار پارتىيىسى

  • مۇستەقىل رادىكاللار پارتىيىسى[يەشمىسى:] 1901 — 1919-يىللىرىدىكى سېربىيە بۇرژۇئازىيە پارتىيىسى. خەلق رادىكاللار پارتىيىسىدىن بۆلۈنۈپ قۇرۇلغان. مەزكۇر پارتىيە ئاپتونومىيە ئاساسىدا سايلام تۈزۈمىنى ۋە دۆلەت تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى، نەشرىياتچىلىق، يىغىلىش ھەم تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، روسىيە، مونتېنېگرولار بىلەن مۇستەھكەم ئىتتىپاق تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1930 — 1909-يىللىرى ئۆز ئالدىغا ياكى ئەسلىدىكى رادىكاللار پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ كابېنت تەشكىللىگەن. 1919-يىلى سېربىيە-كرودىيە ئىتتىپاقى ۋە سىلوۋېنىيە لىبېرالىزمچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ يۇگوسلاۋىيە دېموكراتىك پارتىيىسىنى قۇرغان.

مۇستەقىل لىبورىستلار پارتىيىسى

  • مۇستەقىل لىبورىستلار پارتىيىسى[يەشمىسى:] ئەنگلىيىنىڭ سىياسىي پارتىيىسى. 1893-يىلى 1-ئايدا قۇرۇلغان. رەھبىرى خاردى. ئەينى ۋاقىتتا ئىشچىلار ھەرىكىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن ئەھۋال ئاستىدا مەزكۇر پارتىيىنىڭ پروگراممىسىدا ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئومۇمنىڭ بولۇش سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە بالا ئىشچىلارنى ئىشقا ئېلىشنى مەنئىي قىلىشنى يولغا قويۇش قاتارلىق مەسىلىلەر تەشەببۇس قىلىنغان. لامكىن فابىئان جەمئىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، پارلامېنت ئارقىلىق ئاستا-ئاستا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش يولى بىلەن مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنغان، كېيىن كوللېكتىپ ھالدا لېبورىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇنىڭ رەھبەرلىرى سوتسىيال شوۋېنىزملىق مەيداندا چىڭ تۇرغان. 1932-يىلى لېبورىستلار پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىققان. 1947-يىلى كۆپلىگەن ئەزالىرى يەنە لېبورىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن.

مۇستەقىللىك پارتىيىسى

  • مۇستەقىللىك پارتىيىسى[يەشمىسى:] مەرىپەت پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى سىياسىي تەشكىلات. 1882-يىلى قۇرۇلغان. رەھبىرى خوڭ يىڭجى، جىن يۇجۇن ۋە پويۇڭشاۋ قاتارلىقلار. ياپونىيىگە تەقلىت قىلىپ، ئوردا سىياسىتىنى «ئىسلاھ قىلىش»نى تەشەببۇس قىلغان. مۇتەئەسسىپ ھاكىمىيەتپەرەسلەر بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلغان. 1884-يىلى مەزكۇر پارتىيە ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش (جياشىن سىياسىي ئۆزگىرىشى)قوزغىغان ھەمدە ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان، ئۇزۇن ئۆتمەي مۇتەئەسسىپ كۈچلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان، بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى ياپونىيىگە قېچىپ كەتكەن.

مۇستەقىللىك جەمئىيىتى

  • مۇستەقىللىك جەمئىيىتى[يەشمىسى:] چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى سىياسىي تەشكىلات. 1894-يىلى جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپونىيە، روسىيە قاتارلىق چەت ئەل تاجاۋۇزچى كۈچلىرى چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلغاندا، بيۇروكرات گۇرۇھلار تاشقى دۈشمەننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقانلىقتىن، كەڭ خەلقنىڭ غەزىپى قوزغالغان. مىللىي مۇستەقىللىك ۋە دېموكراتىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كۆكرەك كېرىپ ماڭغان زىيالىيلاردىن شۇزەيبى، يىن جىخاۋ قاتارلىقلار «مۇستەقىل، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. دەسلەپ ئىجتىمائىي ئالاقە تەشكىلاتى «جىنتوڭ كلوبى»نى تەشكىل قىلغان، كېيىن ئۇنى «مۇستەقىللىك كلوبى» غا ئۆزگەرتكەن، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىسمىنى «مۇستەقىللىك جەمئىيىتى»گە ئۆزگەرتىپ بىر سىياسىي تەشكىلات قىلىپ قۇرۇپ چىققان. 1896-يىلى «مۇستەقىللىك ئاخباراتى» ئېلان قىلىپ، مۇستەقىللىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ نۇقسانلىرىنى تەنقىد قىلغان. 1898-يىلى يەنە سىئولدا ئون مىڭ كىشىلىك يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھوقۇقتىن مەھرۇم بولىدىغان، دۆلەتكە ھاقارەت كەلتۈردىغان شەرتنامە تۈزۈشكە قارشى تۇرغان، مالىيىنى رەتكە سېلىشنى، چوڭ جىنايەتچىلەرنى ئوچۇق سوت قىلىشنى ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قارار ماقۇللاپ پادىشاھقا تاپشۇرغان. ھۆكۈمەت تەرەپ باۋفوسۇدا تەشكىلاتىنىڭ پادىشاھلىق جەمئىيىتى تەشكىللەپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قۇتراتقۇلۇق قىلغاندىن باشقا، جەمئىيەتنى مەجبۇرىي تارقىتىۋېتىپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنى قولغا ئالغان. مۇستەقىللىك جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاقسۆڭەك ئائىلىلىرىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئىدىيە ۋە سىياسىي جەھەتلەردە ئامېرىكا پەرەس ياكى ياپونپەرەس بولغاچقا جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا ئۈزۈل-كېسىل قارشى تۇرىدىغان پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن مۇستەقىل، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش، دېموكراتىك، ئەركىنلىك ئىدىيىلىرىنى تەشۋىق قىلىش جەھەتتە مۇئەييەن ئىجابىي رول ئوينىغان.

مۇستەقىللىك خىتابنامىسى

  • مۇستەقىللىك خىتابنامىسى[يەشمىسى:] شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئەنگلىيىگە تەۋە ئون ئۈچ مۇستەملىكە رايوندىكى خەلقنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىللىك ئېلان قىلغان پروگرامما خاراكتېرلىك ھۈججەت. جېففىرسون قاتارلىق بەش ئادەم تۈزگەن بولۇپ، 1776-يىل 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىدا ماقۇللانغان (شۇ كۈنى كېيىن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەن). خىتاپنامىدە ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىغا قاراتقان دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقى ئەيىبلەنگەن؛ ئەنگلىيە بىلەن بولغان بارلىق بېقىندىلىق مۇناسىۋەتلەر بىكار قىلىنىپ، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە جەھەتتىكى مۇستەقىللىك، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى قۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا گراژدانلىرى ئەركىنلىك، باراۋەرلىكتىن ئىبارەت «تەڭرى ئاتا قىلغان كىشىلىك ھوقۇق»تىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى (لېكىن نىگېرلار بىلەن ئىندىئانلار بۇنىڭ سىرتىدا)؛ ھۆكۈمەت خەلق بەھرىمەن بولىدىغان ھەر خىل ھوقۇقلارنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى، ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ بۇ تېگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلالمىغان ھامان خەلقنىڭ ئۇنى ئۆزگەرتىپ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. خىتاپنامە شىمالىي ئامېرىكا خەلقىنىڭ سىياسىي ئارزۇسىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرگەن. خەلقنى مۇستەقىللىك ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا چاقىرىشتا ئىجابىي رول ئوينىغان.

مۇستېر مەدەنىيىتى

  • مۇستېر مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] ياۋروپانىڭ كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى مەدەنىيەت. ئەڭ دەسلەپ فرانسىيىنىڭ مۇستېر(Le Moustier) دېگەن يېرىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1869-يىلى فرانسىيە ئارخېئولوگى مورتىللېت بۇ يەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، مۇستېر مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولغان، تۆت خىلغا ئايرىش دېگەن سۆزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تىپىك قالدۇق نەرسىلەردىن ئۇچلۇق قوراللار ۋە قىرىش-يونۇش قوراللىرى بار. ھايۋاناتلاردىن مامۇنت، يۇڭلۇق كەركىدان ۋە بۇغا قاتارلىقلاربار.

مۇسكېنۇم Muskenum

  • مۇسكېنۇم Muskenum[يەشمىسى:] نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. «تىز پۈككۈچى»دېگەن مەنىدە. قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقىنىڭ بىر ئىجتىمائىي قاتلىمى. ئادەتتە ھوقۇقى بولمىغان ياكى تولۇق ھوقۇقى بولمىغان ئەركىن پۇقرالارنى كۆرسىتەتتى؛ قۇللار بىلەن روشەن پەرقلىنىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئۇلاردىن بايلىرىنىڭ يەر، مال-مۈلۈك ۋە قۇللىرى بولۇپ، نامراتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خان جەمەتىنىڭ سېلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىجتىمائىي ئورنى تولۇق ھوقۇققا ئىگە ئەركىن پۇقرا ئاۋېلۇمنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدۇ. «خاممۇرابى قانۇنى»دا: ئاۋېلۇمنىڭ ئەزالىرىغا زىيان يەتكۈزگۈچىلەرگە ئوخشاش دەرىجىدە زىيان يەتكۈزۈش كېرەك. مۇسكېنۇمغا زىيان يەتكۈزگۈچىلەر، تۆلەم تاپشۇرسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭ سالاھىيىتى ۋە كېلىپ چىقىشى ھەققىدە، ئىلمىي ساھەسىدىكىلەرنىڭ پىكرى ئوخشىمايدۇ، بەزىلەر بويسۇندۇرۇلغان سومېر، ئاكادېيىنىڭ ئاھالىلىرى دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر ۋەيران بولغان يەرسىز كوممۇنا ئەزالىرى ياكى خان جەمەتى ئۈچۈن ئىشلەپ بېرىدىغان تۈرلۈك خادىملار دەپ ھېسابلىغان.

مۇسسو

  • مۇسسو[يەشمىسى:]Manowar Musso، 1897 — يىل ياكى 1898 — 1948)ھىندونېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1919-يىلى ئىسلام دىنىي ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 1920-يىلى غەربىي ياۋا دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مۇستەملىكە دائىرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئۈچ يىل قاماق جازاسى بېرىلگەن. 1923-يىلى ھىندونېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. 1923 — 1925-يىللىرى مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ۋە پوچتا ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1925-يىلى ھىندونېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا دوكلاد قىلىش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىققان. 1926-يىلى 12-ئايدا ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىدە، سىنگاپوردىكى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئازادلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇزاققىچە چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1933 — 1935-يىللىرى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىجرائىي ھەيئىتى ۋە قىزىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خەلقئارا ئىجرائىي ھەيئىتى بولۇپ، ئىلگىرى-ئاخىر گوللاندىيە، بىلگىيە ۋە فرانسىيىدە تۇرغان. 1935-يىلى ۋەتىنىگە مەخپىي قايتىپ بېرىپ، ھىندونېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ يەر ئاستى مەركىزىي رەھبىرى ئورگىنىنى قۇرغان. 1936-يىلى يەنە چەت ئەلگە چىققان. 1939 — 1941-يىللىرى فرانسىيە جازا لاگىرىغا سولاپ قويۇلغان. 1948-يىلى 8-ئاينىڭ بېشىدا ۋەتىنىگە قايتقان. 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ھىندونېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، «ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى يولى» دېگەن كۈرەش پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە پارتىيىنىڭ باش شۇجىسى بولۇپ سايلانغان. شۇ يىلى 10-ئايدا مادىئۇن ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن.

مۇسسولىن

  • مۇسسولىن[يەشمىسى:]Benito Mussolini، 1883 — 1945) ئىتالىيىلىك فاشىست ئىستىبىدات. فاشىستىك پارتىيىنىڭ كاتتىبېشى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاساسىي ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ بىرى. پرىدا پىئودا تۇغۇلغان. دارىلفونوننى پۈتتۈرگەن. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. كېيىن سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1912-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئىجرائىيە ئەزاسى بولغان. 1914-يىلى ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى تەرغىب قىلغانلىقتىن پارتىيىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. 1919-يىلى فاشىستىك تەشكىلات — «جەڭگىۋار پولك»نى قۇرغان. 1921-يىلى فاشىستىك پارتىيىنى رەسمىي قۇرغان. 1922-يىلى 10-ئايدا مۇرتلىرىنى باشلاپ مىلاندىن رىمغا يۈرۈش قىلىپ، كورۇلنى ئۆزىنى باش ۋەزىرلىك تەيىنلەشكە مەجبۇر قىلغان؛ يەنە قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى، ھەربىي ئىشلار ۋەزىرى، مۇستەملىكىلەر ۋەزىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئىچكى جەھەتتە پارلامېنت تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىشچىلارنى ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتنى باستۇرۇپ فاشىستىك ئىستىبداتلىق تۈزۈمىنى ئورناتقان؛ سىرتقا قارىتا 1935-يىلى ئېفىئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلغان، 1936-يىلى ئىسپانىيىگە قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزگەن، 1939-يىلى ئالبانىيىنى بېسىۋالغان، 1940-يىلى 6-ئايدا فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلغان ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا رەسمىي قاتناشقان. ھەربىي جەھەتتىن كەينى-كەينىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقى ۋە مەملىكەت ئىچىدە فاشىستلارغا قارشى ھەرىكەت ئەۋج ئالغانلىقتىن، كورۇل 1943-يىلى 7-ئايدا ئۇنى قولغا ئېلىپ قامىغان. 9-ئايدا گېرمانىيە پاراشوتچى قىسىملىرى ئۇنى بۇلاپ ئەكەتكەندىن كېيىن، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سالو(Salo)دا «سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت»نى قۇرغان. 1945-يىلى 4-ئايدا ئىتالىيە پارتىزانلار ئەترىتى ئۇنى قولغا چۈشۈرگەن ۋە ئېتىۋەتكەن. ئۇنىڭ كاللىسى مىلان مەيدانىدا ئېسىلىپ سازايى قىلىنغان.

مۇسۇلمان

  • مۇسۇلمان[يەشمىسى:] ئەرەبچەMuslim نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. «ئىتائەت قىلغۇچىلار» يەنى ئاللاغا ئىتائەت قىلغۇچىلار دېگەن مەنىدە.

مۇسىياكوزى سانېئاپو

  • مۇسىياكوزى سانېئاپو[يەشمىسى:]1885 — 1976)ياپونىيىلىك يازغۇچى، دراماتورگ شائىر. توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي پەن كەسپىدە ئوقۇپ يېرىم يولدا مەكتەپتىن چېكىنگەن. ياش ۋاقتىدا تولىستوينىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىنسانپەرۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلغان. 1910-يىلى شىگانائويا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن «ئاق قېيىن» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان، «سەمىمىي ئادەم»،«دۇنيانى كۆرمىگەن ئادەم»قاتارلىق پوۋېست ۋە ئۇرۇشقا قارشى سەھنە ئەسەرلىرىدىن «ئۇنىڭ سىڭلىسى»،«مەلۇم ياشنىڭ چۈشى» قاتارلىقلارنى يازغان. 1918-يىلى يىمازاكى ناھىيىسىنىڭ تاغلىق رايونىدا «يېڭى كەنت» قۇرۇپ «يېڭى كەنت» ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، «بەختكە ئېرىشكۈچى»،«دوستلۇق»،«ياشىسۇن ئىنسانىيەت» قاتارلىق ھېكايىلەرنى يازغان. ئاكىۋانىڭ دەسلەپكى يىللىرى تەرجىمال ھېكايىلەرنى كۆپ يازغان ھەمدە سەنئەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە «بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا ئۇرۇشى توغرىسىدا شەخسىي ھېسسىياتىم» قاتارلىق ماقالىلەرنى يازغان. ئۇرۇشتىن كېيىن «ھەقىقەتچى ئەپەندى» دېگەن روماننى يازغان. 1951-يىلى مەدەنىيەت ئوردىنىغا ئېرىشكەن. 1952-يىلى سەنئەت ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. پۈتۈن ھاياتىدا 500 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. 25 توملۇق «مۇسىياكوزى ئەسەرلىرى»نەشىر قىلىنغان.

مۇقەددەس پادىشاھ

  • مۇقەددەس پادىشاھ[يەشمىسى:] يەنى «دانىشمەن پادىشاھ».

مۇقەددەس جەمئىيەت

  • مۇقەددەس جەمئىيەت[يەشمىسى:] ئارىيانلار جەمئىيىتى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ.ⅩⅨئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ھىندى جەمئىيىتى ۋە دىننى ئىسلاھ قىلىش تەشكىلاتى. 1875-يىلى بومباي ھىندى دىنى ئىسلاھاتچىسى ساراسۋات(Saraswati)قۇرغان. ئەزالىرى سودىگەر، قول-سانائەتچى، فېئوداللار ۋە راجپۇتانا( Rajputana)دىكى بىر بۆلۈك بەگ-غوجاملاردىن ئىبارەت. 1877-يىلى پائالىيەت مەركىزىي لاھورغا يۆتكەلگەن. ھىندىستاننىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ شۆبە جەمئىيەت تەسىس قىلىنغان. مەقسىتى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، جەمئىيەت ۋە دىننى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق، مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە يېڭى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشتىن ئىبارەت. قەدىمكى ئارىيانلارنىڭ دىنى جەمئىيىتىگە قايتىشنى تەرغىب قىلىپ، «ۋېدا دەۋرىگە يېنىش» نى تەرغىپ قىلغان. تائىپە تۈزۈمى، بالا ۋاقتىدا نىكاھلىنىش ۋە بۇتقا چوقۇنۇشقا قارشى تۇرۇپ، تۇل قالغان ئاياللارنىڭ قايتا ياتلىق بولۇشى ۋە ئاياللار مائارىپىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن. 1891-يىلى ئەزاسى 40 مىڭغا يەتكەن. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ بۆلۈنۈپ، بىر گۇرۇھ غەرب مائارىپىنى يولغا قويۇشنى ھەمدە لاھوردا داياندا(Dayananda)ئەنگلىيە-ۋېدا ئىنىستىتۇتىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان.يەنە بىر گۇرۇھ ھازىرقى تۇرمۇشىدا ۋېدا غايىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھەمدە 1902-يىلى خاردۋار( Hardwar)دا گۇرۇكۇل (Gurukul) ئىنىستىتۇتىنى قۇرۇشنى ھىمايە قىلغان.

مۇقەددەس دىنىي جەمئىيەت

  • مۇقەددەس دىنىي جەمئىيەت[يەشمىسى:] ئانگلىكان جەمئىيىتى (Anglican Communion)دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەنى ئەنگلىيە دۆلەت دىنىي جەمئىيىتى. خرىستىئان دىنى پروتېستانت (Protestant)نىڭ ئاساسلىق مەزھەبلىرىنىڭ بىرى. ئەنگلىيىدىن باشقا، ئىرلاندىيە، شوتلاندىيە، ئەنگلىيە دومىنىئونلىرى (dominion)ۋە مۇستەملىكىلىرىگە تارقالغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئامېرىكا ئەنگلىيىدىن مۇستەقىل بولغان مۇقەددەس دىنىي جەمئىيەتنى قۇرغان، كېيىن تەرەققىي قىلىپ، ئامېرىكا خرىستىئان دىنىنىڭ ئاساسلىق مەزھەبلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مۇقەددەس دىنىي جەمئىيەتلىرى ئەنگلىيىنىڭ كېنتېربېرى ئارخېئېپسكوپى (Arch Episcopos)نى پەخرى دىن باشلىقى قىلغان. «ئەنگلىيە دىنىي ئىسلاھاتى»غا قارالسۇن.

مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى

  • مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:] ياۋروپادىكى فېئودال ئىمپېرىيە (962-1806). مىلادى 962-يىلى گېرمانىيە پادىشاھى ئوتتو Ⅰرىمدا پاپانىڭ تاج كەيدۈرۈشى بىلەن ئىمپېراتور دەپ ئاتالغان. بۇ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. زېمىنى ئەڭ چوڭ بولغاندا گېرمانىيىدىن باشقا يەنە، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسمى، چېخ، بۇرگۇندى، نېدىرلاندىيە، شۋېتسارىيە ۋە ئاۋسترىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانىنى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن كارلۇس ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋارىسلىرى بېكىتكەن. Ⅹئەسىردىن باشلاپ، جەنۇبتا دائىم ئىتالىيىگە ھۇجۇم قىلىپ تۇرسا، شەرقتە، ئېلبا دەرياسىدىن ئودېر دەرياسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پولابىسكى سلاۋىيانلارغا تەۋە زېمىننى خالىغانچە ئىشغال قىلىۋالغان. Ⅺئەسىردىن Ⅻئەسىرگىچە، كورۇل بىلەن رىم پاپاسى ئېپىسكوپنى تەيىنلەش ھوقۇقىنى كەسكىن تالاشقان. ⅪⅡئەسىردىن باشلاپ، كورۇل 7 نەپەر كورۇل سايلىغۇچى كىنەزلەر تەرىپىدىن سايلانغان. 1456-يىلى چارلېس Ⅳ«ئالتۇن تامغىلىق پەرمان» چۈشۈرۈپ، رەسمىي ئىمپېراتور بولۇپ ئېتىراپ قىلىنغان. پادىشاھنىڭ ھوقۇقى ئاجىزلىشىپ، بىۋاسىتە قاراشلىق يەرلەردىن سىرت، ئىمپېرىيىنىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى باشقا خانلار، كىنەزلەر، مۇستەقىل ئىمپېرىيە رىتسارلىرى ۋە ئەركىن شەھەرلەرنى كونترول قىلىش ھوقۇقىمۇ قالمىغان. شۇڭا، ئىمپېرىيە قۇرۇق نامىلا بار سىياسىي بىرىكمىدىن ئىبارەت بولۇپ قالغان. ⅨⅡئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئىتالىيە ئەمەلىيەتتە ئىمپېرىيىدىن ئايرىلىپ چىققان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شۋېتسارىيە مۇستەقىل بولغان؛ دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى ۋە 30 يىللىق ئۇرۇش (1618 — 1648)تىن كېيىن، ئىمپېرىيە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارچىلىنىپ، يىمىرىلىشكە باشلىغان. 1860-يىلى 8-ئايدا، ناپولېئونⅠ كورۇل فرانىس Ⅱ نى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلىغان، ئىمپېرىيە ئاخىرى يوقالغان.

مۇقەددەس سوفىيە ئىبادەتخانىسى

  • مۇقەددەس سوفىيە ئىبادەتخانىسى[يەشمىسى:] يۇنان تىلىداHaga sophia دېيىلىدۇ، تەرجىمىسى «ئەۋلىيا» ئىبادەتخانىسى دېگەن مەنىدە. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى كونستانتىنوپولدىكى ئەڭ مەشھۇر خرىستىئان دىنى ئىبادەتخانىسى. ھازىرقى تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە. ئىمپېراتور يۇسىتنىئان ( FlaviuAnicius Jusitniauns )تەختتىكى مەزگىلدە، ئارخېتىكتور مىلېتلىق ئىسدورۇس (Isidrus)ۋە ترارسلىق ئانتېمىس ( Anthemius) لايىھىلىگەن بولۇپ، بەش يىل (532 — 537)دا ئاساسەن پۈتۈپ چىققان. كېيىن كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغان. ئىبادەتخانىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 700.5 كۋادرات مېتر. ئىبادەتخانىنىڭ كۆرۈنۈشى، رىم پوسۇنىدا يۇمىلاق تورۇس ۋە ئەگىم دەرۋازىلىق بولۇپ، ئوتتۇرىسىدىكى گومبەزنىڭ يەردىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 56 مېتر كېلىدۇ. خانىقانىڭ ئىككى يان تەرىپى مەرمەر تۈۋرۈكلۈك كارىدور بولۇپ، تۆت تېمىغا رەسىم سىزىلغان ۋە مەرمەر ھەم رەڭلىك ئەينەكلەردىن ئىشلەنگەن رەسىملەر نەقىش قىلىنغان، رەسىملەرنىڭ كۆپىنچىسى «ئىنجىل-تەۋرات»تىكى ھېكايىلەر، بەزىلىرىدە خان-پادىشاھلار تەسۋىرلەنگەن. پۈتكۈل قۇرۇلۇشتىن نۇر چاقناپ تۇرغان بولۇپ، كۆركەم ۋە ھەشىمەتلىك. 1453-يىلى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۈركلەر كونستانتىنوپولنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى مەسچىتكە ئۆزگەرتكەن، كېيىن ئەتراپىغا ئۇچلۇق مۇنارلارنى سالغان. 1847-يىلى قايتا رېمونت قىلغان. 1953-يىلى مۇزىيغا ئۆزگەرتىلگەن. 1980-يىلى 8-ئايدا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خانىقانى ئېچىپ بەرگەن.

مۇقەددەس قەدەھ گۇرۇھى

  • مۇقەددەس قەدەھ گۇرۇھى[يەشمىسى:] گالىكستىنېس گۇرۇھى (Galixtines نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، ئەسلىدە لاتىنچىدىكى (Galix دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ «مۇقەددەس قەدەھ»دېگەن مەنىدە)دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅤ ئەسىردىكى چېخ خۇس ھەرىكىتىدىكى مۆتىدىلچىلەر. مىسسا مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندە، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ پەقەت مۇقەددەس تەندىنلا بەھرىمەن بولماستىن، بەلكى مۇراسىمنى باشقۇرغۇچى مىسسىئونېرغا ئوخشاشلا مۇقەددەس تەن (پىشلاق)ۋە مۇقەددەس قان (ھاراق)دىن بەھرىمەن بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. «مۇقەددەس قەدەھ»كە مۇقەددەس قاننى قۇيغانلىقتىن مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. بۇ گۇرۇھ، ئاساسەن شەھەر ئاھالىسى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئەركىن دىن تارقىتىپ، چېركاۋلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، مىسسىئونېرلارنىڭ ئىمتىيازىغا چەك قويۇپ، گېرمانىيە مىسسىئونېرلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا بولمىغان چېخ مىللىتىنىڭ چېركاۋىنى قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. خۇس ھەرىكىتى مەزگىلىدە، ئۇلار تابور( Tabor) گۇرۇھى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، پاپا ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى سىگىسمۇند(Sigismund) نىڭ چېخلارغا قىلغان ھۇجۇمىنى بىرلىكتە چېكىندۈرگەن. كېيىن كاتولىك دىنى كۈچلىرى بىلەن مۇرەسسەلەشكەن («پراگا كېلىشىمى»گە قارالسۇن)، 1434-يىلى تابور گۇرۇھىنى باستۇرغان.

مۇقەددەس قەسىر رىتسارلار پولكى

  • مۇقەددەس قەسىر رىتسارلار پولكى[يەشمىسى:] ئىبادەتخانا رىتسارلار پولكى دەپمۇ تەرجىمە قىلغان.بىرىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە قىلىنغان تاجاۋۇزى (1096 — 1099)دىن كېيىن، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئەھلىسەلىپ دۆلەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، تەخمىنەن 1118-يىلى ئېرۇسالىمدا قۇرۇلغان دىنىي خاراكتېردىكى فېئوداللىق ھەربىي تەشكىلات. ئاساسەن فرانسىيە رىتسارلىرىدىن تەركىب تاپقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رىتسارلار پولكى باشلىقلىرىنىڭ ئەڭ بۇرۇن تۇرغان جايى ئېرۇسالىمدىكى بىر مۇقەددەس قەسىر(templ)نىڭ يېنىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. رىتسارلار پولكى شەرق ۋە غەربىي ياۋروپادا بىرمۇنچە يەر مۈلكىنى ئىگىلىگەن، غەربىي ياۋروپادا جازانىخورلۇق ۋە پۇل كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان.1291-يىلى ئەھلىسەلىپ پەلەستىندىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، فرانسىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كىرىپ، پائالىيەت قىلغان. كېيىن فرانسىيە كورۇلى بىلەن پاپانىڭ توقۇنۇشىدا كېيىنكىسىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، فرانسىيىدىكى كۆپلىگەن ئەزالىرى 1307-يىلى 12-ئايدا فرانسىيە كورۇلى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، مال-مۈلۈك مۇسادىرە قىلىنغان. 1312-يىلى فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅳ(Felipeiv)نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پاپا كلېمېنت Ⅴ(GlementⅤ) مۇقەددەس قەسىر رىتسارلار پولكىنى تارقىتىۋەتكەن.

مۇقەددەس ھەيكەلنى بۇزۇش ھەرىكىتى

  • مۇقەددەس ھەيكەلنى بۇزۇش ھەرىكىتى[يەشمىسى:]1) مىلادى Ⅷ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىدە چېركاۋ ۋە مۇناستىرلارنىڭ يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن بولغان ھەرىكەت بولۇپ، مۇقەددەس ھەيكەللەرنى بۇزۇشنى چاقىرىق قىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. مىلادى 717-يىلى ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان لېئو Ⅲ(leo Ⅲ) تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئەرەبلەرگە قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن، ھەربىي كۈچنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كەلگەن. لېكىن ھەربىيلەرنى بېقىشقا زۆرۈر بولغان يەر يېتىشمەي قالغان، ۋەھالەنكى مەملىكەت ئىچىدىكى خېلى كەڭ بىر قىسىم يەرنى چېركاۋ ۋە مۇناستىرلار ئىگىلىۋالغانلىقتىن، چېركاۋلارغا قارشى ھەرىكەت قوزغىغان. 726-يىلى لېئو Ⅲ مۇقەددەس ھەيكەللەرگە چوقۇنۇشقا قارشى تۇرۇش بۇيرۇقىنى چىقارغانلىقى مۇقەددەس ھەيكەللەرنى بۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، بولۇپمۇ كونستانتىن Ⅴ(Constantine Ⅴ) تەختتىكى مەزگىل (741 — 775)دە، مۇناستىرلارنىڭ يەرلىرى كۆپلەپ مۇسادىرە قىلىنىپ، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش شەرتى بىلەن ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرگە بۆلۈپ بېرىلگەن ياكى ئەسكەرلەرنىڭ ئۈلۈشلۈك يېرى قىلىنغان ھەمدە ئەر-ئايال موناخلار مۇناخلىقنى تاشلاشقا مەجبۇر قىلىنىپ، موناستىرلار ھەربىي لاگېرغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ ھەرىكەتكە ھەربىي ئاقسۆڭەكلەردىن باشقا، شەھەر قول ھۈنەرۋەنلىرى ۋە دېھقانلارمۇ قاتناشقان. لېكىن شەھەر ئاقسۆڭەكلىرى، كونستانتىنوپول ئارخېئېپىسكوپى ۋە رىم پاپاسى پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان. 843-يىلى، ئىمپېرىيە دائىرىلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ فېئودالىزمغا قارشى كۈرىشىنىڭ دولقۇنىدىن قورقۇپ، چېركاۋ بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، مۇقەددەس ھەيكەللەرگە چوقۇنۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، لېكىن مۇسادىرە قىلىنغان مۇناستىرلار يەرلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمىنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن. (2) نېدېرلاندىيە خەلقىنىڭ ئىسپانىيە دائىرىلىرى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق قورالى — كاتولىك چېركاۋلىرىغا قارشى تۇرۇش قوزغىلىڭى، ⅩⅥ ئەسىردىكى نېدېرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1566-يىلى 8-ئايدا، قوزغىلاڭ فلاندېس (Flanders) تا كۆتۈرۈلۈپ، تېزلىك بىلەن پۈتكۈل نېدېرلاندىيىنىڭ 17 ئۆلكىسىنىڭ 12 ئۆلكىسىنى قاپلىغان. قوزغىلاڭنىڭ ئاساسلىق كۈچى شەھەر پۇقرالىرى ۋە شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى دېھقانلار بولۇپ، رەھبەرلىك ھوقۇقى كالۋىن (Calvin) چى بۇرژۇئازلار ۋە بەزى ئاقسۆڭەكلەر ئىتتىپاقى ئەزالىرىنىڭ قولىدا بولغان. قوزغىلاڭچىلار مۇقەددەس ھەيكەللەرنى بۇزۇپ، 5500 دىن ئارتۇق چېركاۋ ۋە ئىبادەتخانىنى چۇۋۇپ، چېركاۋنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان؛ بەزىلىرى تېخى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تۇرار جايلىرى ۋە قەلئەلەرگە باستۇرۇپ كىرىپ، قەرز ھۈججەتلىرى ۋە يەر خەتلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. باش ۋالىي مارگارېت (Margaretha) شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 23- كۈنى دىنىي سوتنىڭ پائالىيىتىنى توختىتىپ، كالۋىن مۇرىتلىرىنىڭ شەھەر سىرتىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇندا ئىبادەت قىلىشىغا يول قويۇپ، ئاقسۆڭەكلەر ئىتتىپاقى ئەزالىرىنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇرژۇئازىيە ۋە ئاقسۆڭەكلەر ئىتتىپاقى ئىسپانىيە ھۆكۈمران دائىرىلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلغان. 1567-يىلى ئەتىيازدا قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان.

مۇقەددەس ئىتتىپاق

  • مۇقەددەس ئىتتىپاق[يەشمىسى:]ناپولېئون ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ياۋروپادىكى ھەرقايسى خانلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ئەكسىيەتچىل ئىتتىپاق. 1815-يىل 9-ئاينىڭ 26-كۈنى روسىيىدىكى چار پادىشاھ ئالېكساندر Ⅰ، ئاۋسترىيە كورۇلى فرانسىس Ⅰ ۋە پرۇسسىيە كورۇلى فرېدرىخ ۋىليام Ⅲ پارىژدا «مۇقەددەس ئىتتىپاق شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅩⅧ ئىتتىپاققا ئەزا بولۇپ كىرگەن، باشقا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ كورۇللىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئىتتىپاققا قاتناشقانلىقىنى جاكارلىغان. ئەنگلىيە رەسمىي ئەزا بولۇپ كىرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپلىگەن سورۇنلاردا ئىتتىپاقنىڭ باش فاڭجېنىنى قوللىغان. ئىتتىپاق ھەرقايسى كورۇللارنىڭ «ھەرقاچان، ھەر جايدا»، «بىر-بىرىنى ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ياردەم بىلەن تەمىنلەش» ئارقىلىق، ۋېنا يىغىنىدا يېڭىباشتىن بەلگىلەنگەن چېگرانى ساقلاپ قېلىش ۋە ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىنقىلابنى باستۇرۇشنى بەلگىلىگەن. ئىتتىپاق ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيىدىكى ئىنقىلابقا قارىتا قوراللىق مۇداخىلىنى پىلانلىغان ۋە تەشكىللىگەن بولسىمۇ، لېكىن قاتناشقۇچى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشى ۋە ياۋروپا خەلقىنىڭ ئازادلىق كۈرىشىنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن، 1822-يىلدىن كېيىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغان. 1830-يىلى فرانسىيە ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئىتتىپاق رەسمىي پارچىلانغان. 1833-يىلى، روسىيە، پروسسىيە ۋە ئاۋسترىيە ئۈچ دۆلەت كورۇللىرى مۇقەددەس ئىتتىپاقنى قايتا قۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشمىغان.

مۇقەددەس ئىش

  • مۇقەددەس ئىش[يەشمىسى:]Sacrement) «مۇقەددەس مۇراسىم» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خرىستىئان دىنىنىڭ ئاساسلىق دىنىي مۇراسىمى: قىددىس ئەيسا بىۋاسىتە بېكىتكەن دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭدا مۇنداق يەتتە ماددا بار: بۇلار يۇيۇندۇرۇش (چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى)، روھلاندۇرۇش (ئىشەنچنى چىڭىتىش مۇراسىمى)، گۇناھىنى تىلەش (توۋا قىلىش مۇراسىمى)، مۇقەددەس تەننى ياد ئېتىش (مۇقەددەس غىزا مۇراسىمى)، جان ئۈزۈش ئالدىدا زەيتۇن يېغى سۈرتۈش (بەدەننى مايلاش مۇراسىمى)، دىنىي ئۇنۋان (دىنىي ئۇنۋان ئېلىش مۇراسىمى) ۋە نىكاھ (نىكاھ مۇراسىمى) دىن ئىبارەت. چېركاۋ يەتتە خىل مۇقەددەس ئىش ئارقىلىق مۇرىتلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، ئۆزلىرىنىڭ نوپۇزىنى قوغدىغان. پروتېستانت (Protestantsim) لار ئادەتتە چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى بىلەن مۇقەددەس غىزا مۇراسىمىنىلا ئۆتكۈزىدۇ. ئانگلىكانىزم (Anglicanism) يەنە توي مۇراسىمىنى قوشقان.

مۇقەننا قوزغىلىڭى

  • مۇقەننا قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]مىلادى 776 — 783-يىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ ئەرەبلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى.يولباشچىسى ھاشىم ئىبنى ھاكىم (Hashim ibnH akim) يېشىل رەخت بىلەن يۈزىنى نىقابلىۋالغاچقا، مۇقەننا (مەنىسى نىقابلانغۇچى) دەپ ئاتالغان. قوزغىلاڭچىلار خۇررام مەزھىپى ئەقىدىسىنى چاقىرىق قىلغان ھەمدە ئاق كىيىم، كىيىپ، ئاق ئەلەم تۇتۇپ، شۇ ئارقىلىق قارا كىيىم قارا ئەلەملىك ئابباسىلار خاندانلىقى بىلەن قارشىلاشقاچقا يەنە «ئاق كىيىملىكلەر قوزغىلىڭى» دەپمۇ ئاتالغان. قوزغىلاڭچىلار فېئودال خوجىدارلارنىڭ ۋە ئەرەب ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋالغان ھەمدە ئەرەب خەلىپە قوشۇنىنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. كېيىن ئابباسىلار خاندانلىقى يىرىك ھەربىي كۈچ ئەۋەتىپ، مۇھاسىرە قىلىپ يوقىتىپ، بۇخارا ئەتراپىدىكى نەرشەخ، سەمەرقەند قاتارلىق قوزغىلاڭ بازىلىرى كەينى-كەينىدىن قولدىن كەتكەن. 783-يىلى، مۇقەننانىڭ كېش (Kesh) تىكى قورغىنىمۇ بىتچىت قىلىنغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا مۇقەننا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.

مۇلاتو

  • مۇلاتو[يەشمىسى:]ئىسپانچە mulato نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى نىگېرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەردىن بولغان شالغۇتلارنى كۆرسىتىدۇ. ⅩⅥ ئەسىردىن ئېتىبارەن، ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرى ئامېرىكا قىتئەسىگە ئاپىرىپ ساتقان نىگېر قۇللار ئاق تەنلىكلەر بىلەن نىكاھلاشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى مۇلاتو دەپ ئاتالغان. ئۇلار بىلەن نىگېرلار ۋېنسۇئېلا ۋە كولومبىيىنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلغان. ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ باشقا جايلىرىغىمۇ تارقالغان. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئورنى ئادەتتە ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئۇششاق سودا-سانائەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ياكى شەھەر-بازارلاردىكى جىسمانىي ئەمگەكچىلەرگە ئايلانغان.

مۇللېر

  • مۇللېر[يەشمىسى:]Paul Herman Muller، 1899 — 1965) شۋېتسارىيىلىك خىمىك. ئولتېندا تۇغۇلغان. 1919-يىلى بازېل داشۆسىگە كىرىپ، تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1925-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئەسلىدە بوياق ماتېرىيالى ۋە خۇرۇم ئەيلەشنى تەتقىق قىلغان. 1935-يىلدىن باشلاپ، ھاشارات يوقىتىدىغان دورىلارنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن ۋە DDT نىڭ ھاشاراتنى ئۆلتۈرۈشتە رولى زور ئىكەنلىكىنى بايقىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھاشاراتنى ئۆلتۈرىدىغان مۇھىم دورا — DDTپۈتۈن دۇنياغا تارقالغان. 1948-يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى تىببىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مۇلۈك

  • مۇلۈك[يەشمىسى:]ئەرەب تىلىدىكى Mulk دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئەرەب ئىمپېرىيىسىدىكى خۇسۇسىي يەر. مۇنداق يەرگە ئىگە بولغۇچىلاردا ۋارىسلىق قىلىش، ئىختىيارىي ئۆتۈنۈپ بېرىش، تەقدىم قىلىش ۋە ئېلىپ-سېتىش ھوقۇقى بولغان، لېكىن خەلىپىگە باج تاپشۇرغان. ئەرەبلەر بويسۇندۇرغان رايونلاردا، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ يېرى، بويسۇندۇرۇلغۇچىلارنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىسلام مۇرىتلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان يەرلەر تاشلىنىپ كەتكەن، كېيىن مۇسۇلمانلار تېرىپ كەلگەن يەرلەرنىڭ ھەممىسى شۇ جۈملىگە كىرىدۇ.

مۇمكىنچىلەر

  • مۇمكىنچىلەر[يەشمىسى:]فرانسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى ئاغمىچى مەزھەپ. فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، پارتىيە ئىچىدە پارتىيىنىڭ پروگراممىسى مەسىلىسى توغرىلىق بۆلۈنۈش پەيدا بولغان. بروس ۋە مالون باشچىلىقىدىكى بىر تەرەپ پرولېتارىياتنىڭ سىياسىي كۈرىشىنى ئىنكار قىلىپ، ئىشچىلار ھەرىكىتى بۇرژۇئازىيە يول قويغان «مۇمكىن» بولغان دائىرىدىلا چەكلىنىشى كېرەك، بەزى ئۆتكۈنچى خاراكتېردىكى ئىسلاھاتلار ئارقىلىق سوتسىيالىزمغا مېڭىش «مۇمكىن» دەپ ھېسابلىغان. شۇڭلاشقا، ئۇلار «مۇمكىنچىلەر» دەپ ئاتالغان. 1882-يىلى ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا گېد بىلەن لافارگ باشچىلىقىدىكى گېدچىلار بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا بۆلۈنۈپ چىقىپ، ئىنقىلابىي سوتسىيالىزمچى ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرغان. 1883-يىلى «سوتسىيالىزمچى ئەمگەكچىلەر ئىتتىپاقى» غا ئۆزگەرتىپ، «سوتسىيال شەھەر مەمۇرىيىتى» نى تەرغىپ قىلغان. 1890-يىلى، «مۇمكىنچىلەر» ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولۇپ، ئاللېمانې «سوتسىيال ئىشچىلار ئىنقىلابى پارتىيىسى» نى قۇرغان. كېيىنچە كۆپ قىسىم مۇمكىنچىلەر فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان.

مۇميا

  • مۇميا[يەشمىسى:]mummy) ئەرەب يېزىقىدىكى mumiyah دىن كەلگەن. مەنىسى «قاراماي» دېگەنلىك — چىرىشتىن ساقلاش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا بولىدىغان جەسەت. موميا تەييارلايدىغان ۋە ساقلايدىغان ئادەت قەدىمكى مىسىردا كەڭ تارقالغان. قەدىمكى مىسىردا «روھ ئۆلمەيدۇ» دەيدىغان بىر خىل دىنىي كۆز قاراش بار ئىدى. ئۇلار: ھەربىر ئادەمنىڭ تېنىدە «كا» (Ka، روھ) بولىدۇ، ئادەم تۇغۇلغاندا روھ (كا) ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ. ئۆلگەندە ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ: «كا» ئادەم بەدىنىگە قايتىپ كەلسىلا، ئادەم «تىرىلىدۇ»، شۇڭا جەسەتنى ساقلاش كېرەك دەپ قارايتتى. قەدىمكى مىسىرلىقلار جەسەتنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، تۇز سۈيىگە چىلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا خۇش بۇي ماتېرىياللار ۋە مەلھەملەرنى سۈرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە كاناب بىلەن چىڭ ئوراپ بىر مەزگىل تۇز سۈيىگە چىلاش ئارقىلىق موميا تەييارلىغان. مىسىرنىڭ قۇرغاق كىلىمات شارائىتىدا، موميا شامال ئۆتۈشىدىغان گۆرلەرگە قويۇلغاندا ئۇزاق ۋاقىتلار ئۆتسىمۇ چىرىمىگەن. فىرئەۋىن ۋە تۆرە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مۇميالىرى ئىنچىكىلىك بىلەن تەييارلانغان، ئاددىي پۇقرالارنىڭ بولسا ئاددىيراق تەييارلانغان. يېقىنقى دەۋرلەردىن بېرى مىسىرنىڭ ئېھراملىرى ۋە باشقا قەدىمكى قەبرىلىرىدىن كۆپلەپ مومىيا تېپىلدى. ⅩⅨ ئەسىردىكى فرانسىيىلىك ئالىم ماسپېرو مىسىرنىڭ دەئىرۇل بەھرى (Deirel - Bahri) دېگەن يېرىدىكى بىر مەخپىي لەھەتتىن يېڭى خاندانلىق دەۋرىدىكى بىرقانچە ئاتاغلىق فىرئەۋىنلەرنىڭ مومىياسىنى تاپقان بولۇپ، ئۇلار ھازىر ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەل مۇزېيلىرىدا ساقلانماقتا. مومىيا قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ تىببىي دورىگەرلىك ئىلمىنىڭ ماددىي ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ.

مونارخىيىلىك تۈزۈم

  • مونارخىيىلىك تۈزۈم[يەشمىسى:]پادىشاھ دۆلەت باشلىقى بولىدىغان بىر خىل ھۆكۈمرانلىق قىلىش شەكلى. قۇللۇق تۈزۈمى ئاستىدا مەسىلەن، قەدىمكى مىسىر، بابىلون، پېرسىيە ۋە رىم ئىمپېرىيىسى (كېيىنكى مەزگىلى) دە پادىشاھلىق تۈزۈم ياكى پادىشاھلىق مۇستەبىت تۈزۈم يولغا قويۇلغان. ياۋروپادىكى فېئوداللىق تۈزۈم ئاستىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دەسلەپكى فېئودال پادىشاھلىق تۈزۈم، تەبىقىلىك پادىشاھلىق تۈزۈم ۋە پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك تۈزۈم بارلىققا كەلگەن. كاپىتالىزم دەۋرىدىكى پادىشاھلىق تۈزۈم ئومۇمەن پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدە ئىپادىلەنگەن.

مۇنارسىمان ئىبادەتخانا

  • مۇنارسىمان ئىبادەتخانا[يەشمىسى:]Ziggurat ئاھاڭ تەرجىمىسى «زىگگۇرات»). قەدىمكى زاماندا مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى بىرخىل قۇرۇلۇش شەكلى بولۇپ، ئىبادەتخانا ئىمارەتلىرى توپىنىڭ زۆرۈر تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. كۆپىنچە ئۈچ قەۋەت ياكى يەتتە قەۋەت بولۇپ، ئىچكى خانىسى يوق، سىرتىدىكى پەلەمپەي ئارقىلىق مۇنارنىڭ ئۇچىغا چىقىشقا بولىدۇ. يېڭى بابىلون دەۋرى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 626 — 538) دە ياسالغان ئاجىمىنان مۇنارسىمان ئىبادەتخانىسىنى ۋەكىل قىلىشقا بولىدۇ. بۇ مۇنارسىمان ئىبادەتخانا بابىلون شەھىرىدىكى مەردەك ئىبادەتخانىسىنىڭ يېنىغا ياسالغان بولۇپ، كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان، پەلەمپەي شەكىللىك، يەتتە قەۋەت بولۇپ، ئېگىزلىكى 90 مېتر، تۆۋەنكى قەۋەت تۆت يان تەرىپىنىڭ ھەربىرى 91 مېتر كېلىدۇ. ئېيتىلىشىچە يەتتە قەۋىتىنىڭ رەڭگى ھەر خىل بولۇپ، يەتتە يۇلتۇز ئىلاھنى كۆرسىتىدىكەن. ئۇچىدا بىللور قەسىر بولۇپ، ئىلاھ مەردەڭنىڭ ئىلاھنىڭ ھەيكىلى قويۇلغان. كاھىنلار مۇشۇ يەردە ئىلاھقا نەزىر-چىراغ قىلىدىكەن ۋە ئاسمان ھادىسىلىرىنى كۆزىتىدىكەن. بۇ مۇنار «ئىنجىل» دا «ئاسمانغا تاقاشقان مۇنار» دەپ ئاتالغان.

مۇنبەت توپا دۆۋىسى مەدەنىيىتى

  • مۇنبەت توپا دۆۋىسى مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]يەنى «تېررامارا مەدەنىيىتى».

مۇنبەت يەر — ھىلال ئاي

  • مۇنبەت يەر — ھىلال ئاي[يەشمىسى:]ھىلال ئاي — مۇنبەت يەر(Fertile Crescent) دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. غەربىي ئاسىيادىكى «مېسوپوتامىيە ۋادىسى» (ئىراق) بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقى (سۈرىيە ئەتراپلىرى) نى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىر پارچە ياي شەكىللىك رايوننى كۆرسىتىدۇ. يېرى مۇنبەت، شەكلى ھىلال ئايغا ئوخشاپ كەتكەچكە، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇ يىراق قەدىمكى زاماندىكى مەدەنىيەت مەنبەلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

مۇنبەت يەر — ھىلال ئاي پىلانى

  • مۇنبەت يەر — ھىلال ئاي پىلانى[يەشمىسى:]ھىلال ئاي — مۇنبەت يەر پىلانى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ،چوڭ سۈرىيە پىلانى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيە 1942-يىلى ئىراقنى كۈشكۈرتۈپ ئوتتۇرىغا قويدۇرغان سۈرىيە، لىۋان، تاشقى ئىئوردانىيە، پەلەستىن ۋە ئىراقتىن تەشكىل تاپقان ئەنگلىيە كونتروللۇقىدا قوشما شتات قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان پىلان. بۇ دۆلەتلەر جايلاشقان رايون ئەزەلدىن «مۇنبەت يەر — ھىلال ئاي» رايون دەپ ئاتالغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1941-يىلى 5-ئايدا، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئېدېن نۇتۇق ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ «بىرلىشىشى» نى قوللايدۇ، دەپ جاكارلىغان. ئىككىنچى يىلى 12-ئايدا، ئىراقنىڭ باش ۋەزىرى نۇرى ئەل-سەيىد ئەنگلىيىگە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ «بىرلىشىش» پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ پىلاندا دەسلەپكى قەدەمدە سۈرىيە، لىۋان، تاشقى ئىئوردانىيە ۋە پەلەستىننى بىر پۈتۈن دۆلەت قىلىش، كېيىن ئىراق بىلەن تاشقى ئىئوردانىيىنى يادرو قىلغان ئەرەب دۆلەتلىرى قوشما شتاتى قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ پىلاننى تاشقى ئىئوردانىيە قوللىغاندىن سىرت، باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى قوللىمىغان، شۇڭا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا ئىشقا ئاشۇرۇلمىغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئەنگلىيە ئامېرىكا تەسىر كۈچىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن، نۇرى ئەل-سەيىدكە ئەسلىدىكى پىلانغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويۇشقا يول كۆرسىتىپ، سۈرىيە، ئىراق ۋە لىۋاننى قوشما شتات قىلىپ تەشكىللەپ، ئىراق پادىشاھىنى قوشما شتات پادىشاھى قىلىشقا ئۇرۇنغان، لېكىن كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ بەربات بولغان.

مۇنبەر سوتسىيالىزمى

  • مۇنبەر سوتسىيالىزمى[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن 90-يىللىرىغىچە بولغان بۇرژۇئا ئىدىيىۋى ئېقىمىنىڭ بىرى. گېرمانىيىدە مەيدانغا كېلىپ، كېيىن ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كەڭ تارقالغان، ۋەكىللىرى ئاساسەن گېرمانىيىدىكى ئەركىن بۇرژۇئازىيىنىڭ بەزى چوڭ پروفېسسورلىرى، ئالايلۇق، ۋاگنېر(Adolph Wagner، 1835—1917)، شمولې(Gustav Von Schmoller، 1838—1917)، برېنتانو ( Lujo Brentano، 1844—1931)، سومبارت (Werner Sombart، 1863—1941) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇلار ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مۇنبەرلىرىدىن پايدىلىنىپ، سوتسىيالىزم ۋىۋىسكىسىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىقىنى بازارغا سالغان، شۇڭا مۇنبەر سوتسىيالىزمى (مۇنبەر ئىسلاھاتچىلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دەپ مەسخىرە قىلىنغان. ئۇلار كاپىتالىزم تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە سىنىپىي زىددىيەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان مەزگىلدە تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ تارقىلىشى ۋە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرۇپ، كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى سىنىپىي زىددىيەتنى يوققا چىقىرىپ، سىنىپىي مۇرەسسەنى تەرغىپ قىلىپ، دۆلەت سىنىپتىن خالى تەشكىلات، ئۇ دۈشمەن سىنىپلارنىڭ زىددىيىتىنى كېلىشتۈرەلەيدۇ، كاپىتالىستلارنىڭ مەنپەئىتىگە چېقىلماسلىق شەرتى ئاستىدىمۇ ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بارا-بارا «سوتسىيالىزم» نى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ دەپ ھېسابلىغان.1873-يىلى «ئىجتىمائىي سىياسەت ئىلمىي جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە بەزى ئەمگەك شارائىتلىرىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىشچىلار بىلەن كاپىتالىستلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، ئىشچىلار سىنىپىنى كۈرەشتىن ۋاز كېچىپ، بۇرژۇئا ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداشقا قىزىقتۇرغان.

مۇنەججىملىك

  • مۇنەججىملىك[يەشمىسى:]سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ كىشىلەرنىڭ بەخت-سائادەت ياكى بالايىئاپەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئالدىنئالا ئېيتىپ بېرىدىغان بىر خىل رەمباللىق. قەدەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە، بولۇپمۇ مېسوپوتامىيە رايونىدا تارقالغان. سۇمېرلار ۋە ئاققادلاردىن تارتىپ بابىلونلارغىچە يۇلتۇزلارغا تېۋېنىش ناھايىتى ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئۇلار سەييارە ھادىسىلىرىنىڭ كىشىلىك دۇنياسىدىكى بەخت-سائادەت ياكى بالايىئاپەتنىڭ مۇھىم بەلگىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن، كاھىنلار كېچىسى مۇنارلىق ئىبادەتخانىلارنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە چىقىپ، يۇلتۇز ھادىسىلىرىنى كۆزىتىپ، خاتىرە قالدۇرغان ۋە يۇلتۇزلار خەرىتىسىنى تۈزۈپ چىققان، بۇ خىل مۇنەججىملىك (خۇراپىي) بىلەن ئاسترونومىيەنىڭ بارلىققا كېلىشىدە بەلگىلىك باغلىنىشى بار ئىدى.

مۇنخېنگرىس كېلىشىمى

  • مۇنخېنگرىس كېلىشىمى[يەشمىسى:] 1833-يىلى روسىيە بىلەن ئاۋسترىيە مونخېنگرىستا ئىمزالىغان ئىككى كېلىشىم. (1) 1833-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىمزالانغان تۈركىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدە ئىككى دۆلەت ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىپ تۈركىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش بەلگىلەنگەن. (2) 1833-يىل 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىمزالانغان پولشا مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدە ئىككى دۆلەت ئۆزلىرى ئىشغال قىلغان پولشا زېمىنىغا ئۆزئارا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە پولشا خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى ئورتاق باستۇرۇش بەلگىلەنگەن.

مۇنك

  • مۇنك[يەشمىسى:]Edvard Munch، 1863 — 1944)، نورۋېگىيىلىك ماي بوياق رەسىم ۋە ئويما رەسىم رەسسامى. ھەربىي دوختۇرنىڭ ئوغلى. كرىستىنىيانا (ھازىرقى ئوسلو) دا ناتۇرالىست رەسسام كروگتىن ئۆگەنگەن، كېيىن پارىژ، ئىتالىيىلەرگە بېرىپ رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. 1892-يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيىدە 15 يىل تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ رەسىم ئۇسلۇبىنى تەدرىجىي ھالدا شەكىللەندۈرۈپ، گېرمانىيە ئىپادىچىلىكىنىڭ پېشۋاسىغا ئايلانغان. 1908-يىلى ئەس-ھوشى جايىدا بولماي قالغان، كېيىن دانىيىدە قىسقا مۇددەت تۇرۇپ، 1910-يىلى نورۋېگىيىگە قايتىپ كەلگەن، ئەمما يەنىلا رەسىم سىزىش بىلەن شۇغۇللىنىۋەرگەن. 1916-يىلىدىن باشلاپ كرىستىنىيانانىڭ يېنىدىكى يېزىدا ياشىغان. ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە كۆپتۈرمىچىلىك ۋە كۆركەم رەڭلەرنى ئىشلىتىپ، رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمىگەن، ھەقىقىي ھېسسىياتنى ئىپادىلەشنى تەكىتلىگەن. كۆپىنچە ئۆلۈم، قورقۇنچ، ئازابلىنىش، ھەسەت قىلىش، تەلۋىلىكلەرنى سۇژىت قىلغان. «ئاغرىق بالا»، «باھار»، «توۋلاش»، «سۆيۈشۈش»، «ئۆز سۈرەتلىرىم» ۋە ئوسلو داشۆسى ئۈچۈن سىزىپ بەرگەن تام رەسىملىرى قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

مۇھەممەد ئەلى

  • مۇھەممەد ئەلى[يەشمىسى:]Muhammad Ali، 1769 — 1849) مىسىرنىڭ باش ۋالىيسى (1805 — 1848). ئالبانىيىلىك. تاماكا سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. 1798-يىلى تۈركىيە ئوفىتسېرى بولغان. 1799 — 1801-يىللىرى ناپالېئوننىڭ مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىشىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1805-يىلى ئەسكىرىنى باشلاپ تۈركىيىگە قارشى قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ، باش ۋالىيلىققا سايلانغان. 1811-يىلى مەملۈكلەرنىڭ ئاتامانىنى يوقىتىپ، ئۇزۇن مەزگىللىك فېئوداللىق تەپرىقە ھالەتكە خاتىمە بەرگەن. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلىدە سۇ ئىنشائاتلىرىنى ياساپ، يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرغان؛ سانائەتكە مەدەت بېرىپ، ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان توقۇمىچىلىق فابرىكىسى، كېمىسازلىق زاۋۇتى، قورال-ياراق زاۋۇتى ۋە باشقا زاۋۇتلارنى قۇرغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىپ، تېخنىكۇم ۋە چەت ئەل تىلى مەكتەپلىرىنى قۇرغان، ياۋروپاغا ئوقۇغۇچىلارنى ئەۋەتكەن؛ قۇرۇقلۇق ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلغان، يېڭى ئەسكەرلەرگە تەلىم-تەربىيە بەرگەن، دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇرغان. سىرتقا قارىتا ھەر يىلى ئۇرۇش قىلغان.1811— 1818-يىللاردا ئەرەب يېرىم ئارىلىغا ئەسكەر چىقىرىپ، مەككە ۋە مەدىنىنى بېسىۋالغان؛ 1820 — 1822-يىللاردا سوداننى بېسىۋالغان، خارتۇم شەھىرىنى قۇرغان؛ 1824—1827-يىللاردا گرېتسىيىنىڭ مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. 1831—1833-يىللىرى ۋە 1839 — 1841-يىللىرى تۈركىيىنى ئىككى قېتىم مەغلۇپ قىلغان. كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مۇداخىلىسى بىلەن يەنىلا ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولغان. لېكىن ئۆزىنىڭ مىسىرنىڭ باش ۋالىيلىقىغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغان.1848-يىلى ئورنىنى ئوغلى ئىبراھىم (Ibrahim Pasha، 1789 — 1848) غا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

مۇھەممەد ئەھمەد

  • مۇھەممەد ئەھمەد[يەشمىسى:] يەنى «مۇھەممەد مەھدى».

مۇھەممەدⅡ

  • مۇھەممەدⅡ[يەشمىسى:] MuhammadⅡ، تەخمىنەن 1430 — 1481) تۈركىيە سۇلتانى (1451 — 1481). تەخەللۇسى «ئىستىلاچى». مۇرات Ⅱ نىڭ ئوغلى، تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، 1453-يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى كونستانتىنوپولنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ، پايتەختنى ئەدىرنەدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ، نامىنى ئىستانبول دەپ ئۆزگەرتىۋالغان. كېيىن مورېئا(Morea، يەنى پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى)، سېربىيە، بوسىنىيە، ئالبانىيە ۋە گېرتىسېگوۋىنا قاتارلىق جايلارنى كەينى-كەينىدىن بويسۇندۇرغان. كىچىك ئاسىيادا، 1461- ۋە 1471-يىللاردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ترېبزون ئىمپېرىيىسى ۋە كارامان (Karaman) دۆلىتىنى يوقاتقان. شەرقىي چېگرىسىنى ئېفرات دەرياسىغىچە كېڭەيتكەن. 1463 — 1679-يىللاردىكى بىرىنچى قېتىملىق ۋېنېتسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىدا ئادرىياتىك دېڭىزىنىڭ ۋېنېتسىيىگە قاراشلىق ئاراللىرىنى ئالغان. 1473-يىلى ئەرزىنجان (Erzinjan، تۈركىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدا) دە ۋېنېتسىيىنىڭ ئىتتىپاقچىسى ئاق قويلو خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى ئۇزۇن ھاساننى مەغلۇپ قىلغان. 1475-يىلى قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ قارا دېڭىز بويىدىكى مۇھىم سودا شەھىرى كافا ( Kafa، بۈگۈنكى فېئودوسىيە) نى قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە قىرىم خانلىقىنى بويسۇندۇرغان.1480-يىلى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى تارانتونى ئىشغال قىلغان. ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەقىقىي قۇرغۇچىسى دەپ تونۇلغان.

مۇھەممەدⅡ(مەھمۇد)

  • مۇھەممەدⅡ(مەھمۇد)[يەشمىسى:]Mahmud Ⅱ، 1785 — 1839) ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى (1808 — 1839).سېلىم Ⅲ نىڭ نەۋرە ئۇكىسى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىدىغان بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغان: يېڭى دائىملىق ئارمىيە قۇرغان، گۋاردىيىنى تارقىتىۋەتكەن (1826)؛ ھەربىي سۇيۇرغاللىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ،يېڭى ئۆلكە-رايون تۈزۈمنى يولغا قويغان (1834)؛ ھۆكۈمەتتە ھەرقايسى مىنىستىرلىكلەرنى تەسىس قىلىپ، جايلاردىكى باش ۋالىيلارنىڭ ھوقۇقىنى چەكلىگەن ھەمدە مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتتە بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. ئاناتولىيە قاتارلىق جايلاردىكى فېئودال بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە زور كۈچ بىلەن قارشى تۇرغان؛ بالقان رايونىدىكى مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنى دەھشەتلىك باستۇرغان.

مۇھەممەدⅤ

  • مۇھەممەدⅤ[يەشمىسى:]MuhammadⅤ، 1909 — 1961) ماراكەشنىڭ سۇلتانى (1927 — 1953)، پادىشاھى (1957 — 1961)، 1927-يىلى ئاتىسى مۇلاي يوسۇپ (Yusuf Mula)نىڭ ئورنىدا سۇلتان بولۇپ، سەيىدى مۇھەممەد Ⅲ(Sidi Muhammad Ⅲ) دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ماراكەش خەلقىنىڭ فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرىشىگە ھېسداشلىق قىلىپ، «فېس شەرتنامىسى» گە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. 1953-يىلى فرانسىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان. ئىككىنچى يىلى كورىسكىغا سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن يەنە ماداغاسقارغا سۈرگۈن قىلىنغان. فرانسىيىگە قارشى قوراللىق كۈرەشنىڭ كۈنسايىن يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، فرانسىيىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن 1955-يىلى 11-ئايدا تەختى ئەسلىگە كەلگەن. 1956-يىلى فرانسىيە بىلەن قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، «فېس شەرتنامىسى» نى بىكار قىلغان، فرانسىيە ماراكەشنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان. 1957-يىلى 8-ئايدا دۆلەت نامىنى ماراكەش پادىشاھلىقى قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنى مۇھەممەد Ⅴ دەپ ئاتىغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ئىسپانىيىنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى جەنۇبىي «ھامىيلىق يەر» ۋە خەلقئارا ئورتاق باشقۇرغان رايون — تانگېرنى قايتۇرۇۋالغان.

مۇھەممەدⅥ

  • مۇھەممەدⅥ[يەشمىسى:]Muhammad Ⅳ، 1861 —1926) ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى سۇلتانى (1918 — 1922) ئابدۇل ھەمىد Ⅱ نىڭ ئىنىسى.1918-يىلى 10-ئايدا تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئانتانتا دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. ياش تۈركىيە پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنى تارقىتىۋەتكەن. 1920-يىلى 8-ئايدا ئانتانتا دۆلەتلەر بىلەن «سېفۇلې شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، تۈركىيە بۆلۈۋېلىنغان. 1922-يىلى 11-ئايدا تۈركىيە مىللىي پارلامېنتى سۇلتانلىق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئەنگلىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتى بىلەن مالتا ئارىلىغا قېچىپ كەتكەن. شۇ ئايدا نامى بىكار قىلىنىپ ئوسمان ئىمپېرىيىسى مۇنقەرز بولغان.

مۇھەممەد پەيغەمبەر

  • مۇھەممەد پەيغەمبەر[يەشمىسى:]1) (Muhammad، تەخمىنەن 570 — 632) ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسچىسى. ئەرەب يېرىم ئارىلى مەككە شەھىرىدىكى قۇرەيىش قەبىلىسى ھاشىم جەمەتىدىكى زاۋال تاپقان بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئاتىسى دۇنيادىن ئۆتكەن. ئالتە ياشتا ئانىسىدىن ئايرىلغان. بالىلىق دەۋردە بوۋىسى ئابدۇلمۇتەلىب( MuttalipalAbd) ۋە تاغىسى ئەبۇ تالىب (Abu Talip) ئۆز تەربىيىسىگە ئالغان. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە مالچى ۋە سودىگەر بولغان. سۈرىيە قاتارلىق جايلارغا بارغان. 25 يېشىدا باي سودىگەرنىڭ تۇل ئايالى خەدىچىگە ئۆيلەنگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ دائىم مەككە شەھىرى ئەتراپىدىكى ھىرا غارىدا ئىستىقامەت قىلغانىكەن. 40 ياشتا ئۆزىنىڭ ئاللانىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى، ئەڭ ئاخىرقى «پەيغەمبەر» ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ مەككە شەھىرىدە ئىسلام دىنىنى تارقىتىشقا باشلىغان. ئاللانىڭ بىردىنبىر ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرىپ، كۆپ ئىلاھقا چوقۇنۇشقا قارشى تۇرغان ھەمدە ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى پەسەيتىدىغان بەزى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ خوتۇنى خەدىچە، بىر نەۋرە ئىنىسى ئەلى ۋە يېقىن دوستى ئەبۇ بەكرىلەر ئۇنىڭ ئەڭ بالدۇرقى مۇرىتلىرى ئىدى. كېيىن كۆپ ئىلاھقا چوقۇنىدىغان مەككە شەھىرىدىكى قۇرەيىش قەبىلىسىدىكى ئاقسۆڭەكلەر ۋە باي سودىگەرلەرنىڭ قارشىلىقىغا ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. مىلادى 622-يىلى 2-ئايدا ياترىب (Yathrib، كېيىن مەدىنە دەپ ئۆزگەرتىلگەن، پەيغەمبەر شەھىرى دېگەن مەنىدە) قا بېرىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ يەردە مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىنى ئېلان قىلىپ، ئىلاھىي ھاكىمىيەتلىك دۆلەت قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن مەككە شەھىرىدىكى ئاقسۆڭەكلەر بىلەن كۆپ قېتىم غازات قىلغان. غازاتلار ئىچىدە مەشھۇرلىرى بەدر غازىتى، ئوھۇد غازىتى ۋە خەندەك غازىتى قاتارلىق غازاتلاردىن ئىبارەت. 628-يىلى ئىككى تەرەپ «ھۇدەيبيە سۈلھىسى» نى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئۇرۇش توختىتىلغان. 630-يىلى مەككىنى ئىشغال قىلغان. مەككىدىكى ئاقسۆڭەكلەر ۋە سودىگەرلەر ئۇنىڭغا يول قويۇپ، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ نوپۇزىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ بولسا مەككىدىكى ئاقسۆڭەكلەر ۋە سودىگەرلەرنىڭ دىن ۋە ئىقتىساد جەھەتتىكى ئەۋزەل ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان، كەئبە مەسچىت قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ئىسلام دىنى مۇرىتلىرى ھەج قىلىدىغان جاي قىلىپ بېكىتىلگەن. كېيىن ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى قەبىلىلەر ئارقىمۇ ئارقا ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەرەب يېرىم ئارىلى ئاساسەن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. 632-يىلى مەككىدە ھەج تاۋاب قىلغاندىن كېيىن كېسەل بىلەن مەدىنىدە ۋاپات بولغان ھەمدە مەدىنىگە دەپنە قىلىنغان. (2) مۇھەممەد (گۇرلىك)(Muhammad Ghuri، ؟ — 1206) ئەسلى ئىسمى. مۇئىززۇددىن مۇھەممەد (Muizz ud Muhammaddin ) گۇر خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى. 1173-يىلى غەزنىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئاكىسى سۇلتان غىياسىددىن مۇھەممەد تەرىپىدىن غەزنى سۇلتانلىقىغا تەيىنلەنگەن، ئۇ پادىشاھلىقنىڭ شەرقىي قىسمىنى باشقۇرغان. 1175-يىلدىن باشلاپ، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا كۆپ قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ مۇلتان، پېشاۋەر، سيالكۇت قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالغان. 1186-يىلى لاھورنى بېسىۋېلىپ، غەزنى خاندانلىقىنى يوقاتقان. 1191-يىلى تاراين (Tarain) دا ھىندىستاندىكى لاچپوتلار بىلەن ئېلىشقاندا يېڭىلىپ يارىلانغان. ئىككىنچى يىلى شۇ جەڭ مەيدانىدا زور غەلىبە قىلغان. كېيىن شىمالىي ھىندىستانغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن زېمىنلەرنى بېسىۋالغان.1203-يىلى، ئۆز ئاكىسىنىڭ ئورنىنى دەسسەپ، پۈتۈن پادىشاھلىقنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان. 1204-يىلى خارەزىم قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان.1206-يىلى ھىندىستاندىن غەزنىگە قايتىش سەپىرىدە ئۆلتۈرۈلگەن.

مۇھەممەد تۇرې

  • مۇھەممەد تۇرې[يەشمىسى:] Askia al Hajj Mohammed ibn Ali Babr Ture ، ؟ — 1538) سونگاي پادىشاھلىقى ئاسكىيە خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى (1493—1528). مالىنكىلىق. سوننى ئەلىنىڭ ۋەزىرى بولغان. 1493-يىلى سوننى بانۇ (Sonni Banu) نى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئاسكىيە خاندانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇ ئاسكىيە مۇھەممەد Ⅰ دەپ ئاتالغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، پىيادە ئەسكەر ۋە ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى تەشكىل قىلغان، پۈتۈن مەملىكەتنى ئون ئۆلكە قىلىپ ئايرىپ، ئۆلكە نازارەتچىسىنى تەيىنلىگەن، باج تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرگەن،يەر ئىجارىسىگە ماددىي بۇيۇم ئالغان، يېزا ئىگىلىكىنى ئىسلاھ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆز زېمىنىنى داۋاملىق كېڭەيتكەن.1528-يىلى چوڭ ئوغلى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان. 1531-يىلى سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن گائۇ دېگەن يەردە ئۆلگەن.

مۇھەممەد مەھدى

  • مۇھەممەد مەھدى[يەشمىسى:]Muhammad Mahdi، تەخمىنەن 1844—1885) سۇداننىڭ مىللىي قەھرىمانى، ئەنگلىيىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ رەھبىرى. ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد ئەھمەد (Muhammad Ahmat). دونگولا (Dongola) دىكى كېمىچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا ئەنئەنىۋى ئىسلام دىنى تەربىيىسى ئالغان. ئاق نىل دەرياسىدىكى ئابال (Abal) ئارىلى ۋە كوردوۋەن قاتارلىق جايلاردا دىن تارقاتقان. 1881-يىلى 6-ئايدا ئۆزىنى مەھدى (قۇتقازغۇچى) دەپ ئاتىۋالغان ۋە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى قوبول قىلدىم دېگەن. 8-ئايدا ئابال ئارىلىدا «غازات» ئېلان قىلىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مۇستەقىل بولۇپ، باشقا دىندىكىلەر ۋە ئەنگلىيە-مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.شۇ ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق جەڭدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىنلا غەربىي قىسىمدىكى كادىر تاغلىق رايونىغا بارغان. 1883-يىلىنىڭ بېشىدا قوزغىلاڭ سۇداننىڭ غەربىي ۋە جەنۇبىي قىسىملىرىغىچە كېڭەيگەن. شۇ يىلى ئەنگلىيە گېنېرالى شىكېس قوماندانلىقىدىكى مىسىرنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى تولۇق يوقاتقان. 1885-يىلى خارتۇمنى ئىشغال قىلىپ، باش ۋالىي گوردىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، سۇداننى ئازاد قىلىپ، تارقاق قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەھدى دۆلىتىنى قۇرغان، ئومدۇرماننى پايتەختق ىلغان. شۇ يىلى 6-ئايدا ۋاپات بولغان.

مۇھەممەد موكرانى قوزغىلىڭى

  • مۇھەممەد موكرانى قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]يەنى «كابىللار قوزغىلىڭى».

مۇۋاتتال

  • مۇۋاتتال[يەشمىسى:]Muwattallis) ھىتت پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅣ — ⅩⅢئەسىرلەردە). تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە سىرتقا قاراپ داۋاملىق كېڭەيمىچىلىك قىلغان. مىسىر فىرئەۋىنى رامىسېس Ⅱ بىلەن سۈرىيە رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالاشقان. مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىككى تەرەپ ئورونت دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى كادىس (بۈگۈنكى سۈرىيىنىڭ تەۋەسىدە) دا جەڭ قىلىشقان. جەڭدە يېڭىش-يېڭىلىش ئايرىلمىغان. ئۇرۇش داۋاملاشتۇرۇلغان. پايتەختنى خاتتۇساستىن داتتاسسا (Dattassa، ھاررىس دەرياسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە) شەھىرىگە يۆتكىگەن. ئىنىسى خاتتۇشىل(Hattusilis) ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغان.

مۇۋاھىد خاندانلىقى

  • مۇۋاھىد خاندانلىقى[يەشمىسى:]ئالموھاد خاندانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمالى ۋە ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىدىكى بەربەرلەرنىڭ فېئوداللىق خاندانلىقى (1121 — 1269). ⅩⅡ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، شىمالىي ئافرىقىدىكى بەربەرلەر ئارىسىدا مۇرابىت خاندانلىقىغا قارشى ھەرىكەت پەيدا بولغان. ئۇنىڭ رەھبىرى — ئىسلام تىنولوگى مۇھەممەد ئىبنى تومارت ( Muhammed ibn Tumart، ؟ — 1128) ئىدى. ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىسى يەنى بىر ئىلاھلىق ئەقىدىسىنى قوغداشنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇڭا ئۇنىڭ مۇرىتلىرى مۇۋاھىدۇن (al-muwah hiddin، «بىر ئىلاھلىقلار»مەنىسىدە) دەپ ئاتالغان. ئىسپانچە ئالموھاد(Almohades) دەپ ئاتالغان. مۇھەممەد تومارت ئۆزىنى مەھدى (Mahdi، «قۇتقۇزغۇچى» دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىۋالغان ھەمدە 1121-يىلى ماسمۇدا (Masmuda) قەبىلىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ مۇ ۋاھىد خاندانلىقىنى قۇرغان. ئۇنىڭ ۋارىسى ئابدۇل مۇمىن (MuminAbdal ، 1129 — 1162-يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) ئۆزىنى خەلىپە قىلىپ تىكلەپ، 1147-يىلى ماراكەش شەھىرى (Marrakesh، ماراكەش زېمىنىدە) نى بېسىۋېلىپ، ئۇنى پايتەخت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇرابىت خاندانلىقىنى يوقاتقان. كېيىن، ئابدۇل مۇمىن ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ۋە پۈتكۈل مەغرىبنى ئىشغال قىلغان. بۇ خاندانلىقنىڭ يۇقىرى قاتلام ھۆكۈمرانلىرى بەربەر كۆچمەنلىرىگە بولغان زۇلۇمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسپانىيىدە دىنىي زىيانكەشلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. 1212-يىلى دوروسا جېڭىدە كاستىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1269-يىلى بەربەر قەبىلىسى ماراكەش شەھىرىنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ مارىنىد خاندانلىقى (Marinids،1269— 1465) نى قۇرغان. مۇۋاھىد خاندانلىقى يوقتىلغان. خاندانلىقنىڭ باشقا مۇھىم ھۆكۈمرانلىرى ۋە تەختتە ئولتۇرغان يىللىرى مۇنداق: يۈسۈپ (Abu Yaqub Yusuf،1163— 1184)، مەنسۇر (Abu Yusuf Yaqub al - Mansur، 1184 — 1199) قاتارلىقلار.

مۆتىۋەرلەر مەزھىپى

  • مۆتىۋەرلەر مەزھىپى[يەشمىسى:]ئەنگلىيىدىكى پۇرۇستانتلار ئىچىدىكى بىر مەزھەپ. ھېنرى Ⅷ دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىن كېيىن (1534-يىلى) ئالدى بىلەن شوتلاندىيىدە مەيدانغا كەلگەن. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا ئېرلاندىيىدىكى چوڭ بۇرژۇئازىيە ۋە چوڭ پومېشچىكلارنىڭ ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ، ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىكى مۇھىم دىنىي-سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇلار روھانىيلار سىنىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مۇرىتلار ئىچىدىن مۆتىۋەرلەر ۋە پوپلارنى تاللاپ چىقىپ، مۆتىۋەرلەر كېڭىشى ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق دىنىي ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇلار پۇرىتانلار ئىچىدىكى مۆتىدىللەر بولۇپ، چوڭ بۇرژۇئازىيە ۋە يۇقىرى قاتلامدىكى يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. 1640 — 1648-يىللىرى بىر مەھەل ئۇزۇن مۇددەتلىك پارلامېنتتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، كورۇل بىلەن يارىشىشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن مۇستەقىلچىلەر ئارمىيىسى تەرىپىدىن تازىلىۋېتىلگەچكە پادىشاھپەرەسلەر تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىپ، قايتا تىرىلىشنى ياقلىغان. لېكىن قايتا تىرىلگەندىن كېيىن يەنىلا پادىشاھپەرەسلەرنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان. ⅩⅧ ئەسىرگە كەلگەندە زاۋاللىققا يۈز تۇتقان. 1876-يىلى بىر مەزگىل روناق تاپقان بولسىمۇ، لېكىن مۇرىتلىرى كۆپ بولمىغان.

مۆتىۋەرلەر ھەرىكىتى

  • مۆتىۋەرلەر ھەرىكىتى[يەشمىسى:]يەنى «خانغا خىزمەت قىلىش ھەرىكىتى» غا قارالسۇن.

مۆھۈرلۈك پاراخوت

  • مۆھۈرلۈك پاراخوت[يەشمىسى:]ياپونىيىنىڭ مۆھۈرلەنگەن چەت ئەلگە قاتناش ئىسپات خېتى بولغان سودا پاراخوتلىرى. مۇرۇماچى باكو شوگۇنلۇقى دەۋرىدە باشلىنىپ، تويوتومى خىدېيوشى دەۋرىدە تۈزۈمگە ئايلانغان. ئېدونىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە راسا ئەۋج ئالغان. كۆپىنچىسى جەنۇبىي ئوكياننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قاتنىغان. 1604 — 1635-يىللىرى قاتناش مۆھۈرلەنگەن گۇۋاھنامىدىن 350 دىن 360 گىچە تارقاتقان. تارقىتىشقا تويومىتسو ئىبادەتخانىسىدىن شوتورو، ئېنمىتسو ئىبادەتخانىسىدىن موتو تاداشى، كونچىئىندىن تاكېنو تىسۇتائو مەسئۇل بولغان. ئالىدىغانلار ئىچىدە چوڭ خوجىلاردىن شمازۇ، تابېشما، ھوسوكاۋا قاتارلىقلار؛ سودىگەرلەردىن كيوتودىن كادوكۇزا، ساتورۇكورې، ئوساكادىن سۇئېكىچى، ماگوزا ئېمون، ناگاساكىدىن سوئېتسۇگىخېىزو قاتارلىقلار؛ چەت ئەللىكلەردىن ئەنگلىيىلىك ۋىليام ئادامىس (William Adams) جۇڭگولۇق لى دەن قاتارلىقلار بولغان. كەچكۈز بىلەن باش قىشنىڭ شىمال شامىلىغا تايىنىپ، ياپونىيىنىڭ جەنۇبىدىن چىقىپ مالاي يېرىم ئارىلى، كامبودژا، سىيام، لۇسۈن پورتلىرىغا بارغان. باش يازنىڭ جەنۇب شامىلىدىن پايدىلىنىپ، ياپونىيىگە قايتىپ كەلگەن. كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، گۈڭگۈرت، كامفارا، ئاشلىق، فار فور قاچا-قۇچا، سىرلانغان ئەسۋاب، قىلىچ-خەنجەر قاتارلىق تاۋارلارنى چىقىرىپ، يىپەك، يىپەك توقۇلمىلار، پاختا رەخت، خۇرۇم، زىسۇياغىچى، قوغۇشۇن، قەلەي، قەنت قاتارلىق تاۋارلارنى كىرگۈزگەن. پاراخوت-كېمىلەرنىڭ كۆپىنچىسى 300 — 400 توننىلىق بولغان، چوڭى 780 توننىلىق بولغان. دې چۇەنجيا گۇاڭ دۆلەتنى قامال قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، 1635-يىلى چەكلەپ قويغان.

مۈلۈكدارلار مۇستەملىكىسى

  • مۈلۈكدارلار مۇستەملىكىسى[يەشمىسى:]مۈلۈكدارلار ئارقىلىق ئەنگلىيە كورۇلىغا ۋەكالىتەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان مۇستەملىكە. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئەنگلىيە شىمالىي ئامېرىكىغا فېئوداللىق تۈزۈمنى «كۆچۈرگەن»، 1632-يىلى ئەنگلىيە كورۇلى ئالدى بىلەن بارون بالتىمور (George Calvert Baltimore، تەخمىنەن 1580 —1632) غا شىمالىي ئامېرىكىدىكى بىرىنچى مۈلۈكدارلار مۇستەملىكىسى مارىلاندنى قۇرۇش ئىمتىيازىنى بەرگەن ھەمدە قانۇنىي جەھەتتىن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىش بەلگىلەنگەن.1660يىلىدىن كېيىن يەنە نيۇ-يورك يېڭى جىرىسې، دېلاۋارې پېنسىلۋانىيە، شىمالىي كارولېنا ۋە گىئورگىيىدىن ئىبارەت يەتتە ئورۇندا مۈلۈكدارلار مۇستەملىكىسىنى قۇرغان.كېيىن بەزى مۇستەملىكىلەرنى ئەنگلىيە كورۇلىغا بىۋاسىتە قاراشلىق قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى كورۇل جەمەتى مۇستەملىكىسى دەپ ئاتىغان.

مۈلۈكچىلىك

  • مۈلۈكچىلىك[يەشمىسى:]«ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان مۈلۈكچىلىك» كە قاراڭ. 

مېتتېرنى

  • مېتتېرنى[يەشمىسى:]Klemens Wenzel Nepomuk Lothar Von Metternich، 1773 — 1859) ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1809 — 1848) ۋە باش ۋەزىرى (1821 — 1848) كىنەز. 1801-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ساكسىن ۋە پرۇسسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1806 — 1809-يىللىرى فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان مەزگىلىدە ئاۋسترىيە فرانسىيە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، ئاۋسترىيىنىڭ ناپالېئون بىلەن ئۇرۇش قىلغان ۋاقىتتا قولدىن كەتكەن يەرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1812-يىلى 3-ئايدا فرانسىيە بىلەن روسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزۈش شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان. 1813-يىلى ناپالېئوننىڭ روسىيىگە قىلغان تاجاۋۇزى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قوراللىق «كېلىشتۈرۈپ قويۇش» قا ئۇرۇنغان، ئۇنى ناپالېئون رەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن 8-ئايدا ئاۋسترىيىنى 6-قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاققا قاتناشتۇرغان، لېكىن يەنىلا ناپالېئونغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتنى توسقان. ۋېنا يىغىنىدا ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋەكىللىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، روسىيە، پرۇسسىيىگە قارشى مەخپىي كېلىشىم ئىمزالىغان. 1815-يىلى «مۇقەددەس ئىتتىپاق» قۇرۇپ، ياۋروپا ئىنقىلابى ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا ئاكتىپ قاتناشقان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە ئەكسىيەتچىل «مېتتېرنى تۈزۈمى»نى ئاۋسترىيە ۋە گېرمان چېگرىسى ئىچىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتنى باستۇرغان. 1848-يىلى ۋېنادىكى مارت قوزغىلىڭىدا ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلغان. كېيىن، ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1849-يىلى 10-ئايدا بېلگىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1851-يىلى ئاۋسترىيىگە قايتىپ كەلگەن.

مېتتېرنى تۈزۈمى

  • مېتتېرنى تۈزۈمى[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 20 — 40-يىللىرىدا ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسىدە يولغا قويۇلغان ئەكسىيەتچىل سىياسىي تۈزۈم. ئۇنىڭ ئىجراچىسى باش ۋەزىر مېتتېرنى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاساسىي فاڭجېنى ئاۋسترىيىدىكى فېئودال ئاق سۆڭەكلەرگە ۋە چوڭ پۇل مۇئامىلە بۇرژۇئازىيىسىگە تايىنىش ھەمدە ئىككىسىنىڭ كۈچ جەھەتتىكى تەكشىلىكىنى ساقلاش، بيۇروكرات سىياسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت ھەرىكىتىنىڭ ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئاۋسترىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى مىللەتلەرنىڭ زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقسىزلىقنى قوزغاپ، ئۇلارنى بىر-بىرىنى ئىسكەنجىلەپ، نازراەت قىلىپ تۇرىدىغان ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ، بۇنداق دۈشمەنلىشىشتىن «تەرتىپ» ۋە «نىسپىي تىنچلىق» ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئاۋسترىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت.

مېتودىئۇس

  • مېتودىئۇس[يەشمىسى:]Methodius، تەخمىنەن 826 — 885) خرىستىئان مېسسىئونېرى. گرېتسىيىدە تۇغۇلغان. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئوردا مەكتىپىدە تەربىيىلەنگەن ھەمدە ھەربىيدە مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن. كېيىن مۇناستىرغا كىرىپ، ئىنىسى كىرىللۇس بىلەن ھەمكارلىشىپ، بەزى خرىستىئان دىنى كىتابلىرىنى سلاۋىيان يېزىقىغا (ماكېدونىيە يەرلىك تىلىغا) تەرجىمە قىلغان.مىلادى 863-يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېراتورىنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن، ئىنىسى كىرىللۇس بىلەن بىرلىكتە موراۋىيىگە(Moravia)بېرىپ دىن تارقاتقان. 866-يىلى ئىككىيلەن پاپانىڭ چاقىرىقى بويىچە رىمغا كەلگەن. 869-يىلى كىرىللۇس كېسەل بولۇپ ئۆلگەن، مېتودىئۇس پاپا ئادرىئان Ⅱ (AdrianⅡ، 867 — 882-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن موراۋىيە بىلەن پاننونىيىنىڭ ئارخېئېپىسكوپلۇقىغا تەيىنلەنگەن. 670-يىلى پاننونىيىگە ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغىلى مېڭىپ، ئۇزاق ئۆتمەي، شۇ يەردىكى گېرمانىيە كاتولىك مېسسىئونېرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، زىندانغا تاشلانغان. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ، موراۋىيىگە بېرىپ، داۋاملىق دىن تارقىتىش بىلەن شۇغۇللانغان.

مېتېرلىنك

  • مېتېرلىنك[يەشمىسى:]Maurice Maeterlinck، 1862 — 1949) بېلگىيىلىك دراماتورگ، شائىر، نەسرىي ئەسەر يازغۇچى. گېنتتا تۇغۇلغان، فلاماند (Flamands) مىللىتىدىن، لېكىن ئەسەرلىرىنى فرانسۇز تىلىدا يازغان. گېنت داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر مەھەل قانۇن خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 1889-يىلدىن باشلاپ دائىم شېئىر ۋە دراما يېزىپ تۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشلىگەن، ئەسەرلىرىدە گېرمانىيىنىڭ بېلگىيىگە قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىنى سۆككەن. ئۇسموۋولىزمغا ۋەكىللىك قىلغۇچى يازغۇچى. ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى ئۈمىدسىز تەقدىرچىلىك قارىشى ۋە قويۇق سىرلىقچىلىق تۈسى بىلەن تولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولغان. 1911-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى: دراممىدىن «تاجاۋۇزچىلار»، «ئەما»، «پولېئاس ۋە مېل سانت»، «كۆك قۇشقاچ»،«چاي ئىچۈرۈش»؛ ھېكايىلەردىن «مەرتىۋىسىزلەرنىڭ خەزىنىسى»، «بال ھەرىسىنىڭ ھاياتى»، «تۇرمۇش ۋە گۈل»،«كاتتا مەخپىيىەتلىك» قاتارلىقلار.

مېتېڭنىڭ تەرجىمىھالى

  • مېتېڭنىڭ تەرجىمىھالى[يەشمىسى:]قەدىمكى مىسىردىكى بۈگۈنگىچە مەلۇم بولغان ئەڭ بۇرۇنقى تەرجىمىھال، قەدىمكى سۇلالە دەۋرىدىكى كىتابلارنىڭ بىرى. بۇ كىتاپ ئەسلى ئىروگلېفلىق ئويما يېزىق بىلەن پۈتۈلگەن. مېتىڭ ئۈچىنچى سۇلالىنىڭ ئاخىرى تۆتىنچى سۇلالىنىڭ باشلىرىدا تۇغۇلغان، ئەمەلدار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ۋەزىر. تەرجىمىھالدا ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى، ئۆتىگەن خىزمىتى، قازانغان شۆھرىتى، ئىنئام قىلغان نەرسىلىرى ۋە بايلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ھۈججەت مىسىرنىڭ قەدىمكى پادىشاھلىق دەۋرىدىكى دۆلەت ئورگانلىرى تەشكىلى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان. 

مېتېلۇس

  • مېتېلۇس[يەشمىسى:]Quintus Caecilius metellus Numidicus، مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 91) قەدىمكى رىم باش قوماندانى، ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. يۇگۇرتا ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرى 111 — 105) نىڭ دەسلىپىدە، مىلادىدىن 109 يىل ئىلگىرى كونسۇل بولۇپ نومىدىيىگە (شىمالىي ئافرىقىدا) ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن. قوشۇننى تەرتىپكە سېلىپ، ئىنتىزامنى كۈچەيتىپ، مۆتېل دەرياسى ئەتراپىدا نومىدىيە پادىشاھى يۇگۇرتانى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن «نومىدىيىلىك مېتېلۇس» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. يۇگۇرتا سۈلھ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق يول قويمىغان (كېيىن مارې بۇ ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرغان). مىلادىدىن 102 يىل ئىلگىرى تەپتىش ئەمەلدارى بولغان، ھاكىمىيەت ماجىراسى تۈپەيلىدىن بىر مەزگىل سىرتقا چىقىپ كەتكەن. ئۇ «ئادىل» لىقى بىلەن داڭق چىقارغان.

مېتېمما جېڭى

  • مېتېمما جېڭى[يەشمىسى:]سۇداندىكى مەھدى بەگلىكى بىلەن ئېفىئوپىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق جەڭ. 1889-يىلى 2-ئايدا، ئەنگلىيىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن، ئېفىئوپىيە پادىشاھى يوھاننېس Ⅳ 150 مىڭ كىشىلىك چوڭ قوشۇننى باشلاپ، سۇدانغا بېسىپ كىرگەن. 3-ئايدا، ئىككى تەرەپ مېتېمما (Metemma، ئېفىئوپىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى سۇدان بىلەن چېگرىداش جاي) دا قاتتىق جەڭ قىلغان، يۇھاننېس Ⅳ كە ئوق تېگىپ ئۆلگەن، ئېفىئوپىيە ئەسكەرلىرى تارمار بولۇپ چېكىنىپ كەتكەن.

مېدېيە

  • مېدېيە[يەشمىسى:]Medea) يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى پېرسوناژ.كولكېس (Colchic)شاھى ئاياقوسنىڭ مەلىكىسى، سېھىرگەر. بۇ ھەقتىكى رىۋايەتنىڭ ۋەقەلىكىنى «يازون»دىن كۆرۈڭ.

مېدىچ

  • مېدىچ[يەشمىسى:]Giacomo Medici، 1819 — 1882) ئىتالىيە گۈللىنىش ھەرىكىتىدىكى ئەرباب. دەسلەپ جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمىسىنى ھىمايە قىلغان. 1848-يىلى لومباردىيىدىكى گارىبالدى پىدائىيلار جۈنتۈەنىدە ئوفىتسېر بولغان. كېيىن 1849-يىلىدىكى رىم جۇمھۇرىيىتىنى قوغداش جېڭىدىكى رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 50-يىللاردا ساردېن پادىشاھلىقىنىڭ ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە رەھبەرلىك قىلىشنى قوللاش تەرەپكە ئۆتكەن. 1859-يىلى ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشتا گارىبالدى جۈنتۈەنىدە خىزمەت قىلغان. 1860-يىلى گارىبالدىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش تەلىپى بويىچە، گېنۇيەدە 2500 كىشىلىك پىدائىيلار قوشۇنىنى تەشكىللەپ «قىزىل كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنى» غا ياردەم بەرگەن، سىتسىلىيە ئارىلىنى ۋە نېئاپولنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىتالىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە كىرگەن ھەمدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پادىشاھ تەرەپدارلىرىغا تېخىمۇ يېقىنلاشقان. 60-يىللاردا سىتسىلىيىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان.

مېدىچ جەمەتى

  • مېدىچ جەمەتى[يەشمىسى:]Menici) ئىتالىيىنىڭ فلورېنسىيىدىكى مەشھۇر جەمەت. دەسلەپكى يىللىرى سودا-سانائەت بىلەن شۇغۇللانغان. ⅩⅤ ئەسىردە ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ بانكىرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ⅩⅢ ئەسىردە فلورېنسىيە ھۆكۈمىتىگە قاتناشقان. 1434-يىلى، ئالبىززى جەمەتىنىڭ ئورنىنى بېسىپ، فلورېنسىيە ھاكىمىيىتىنى كونترول قىلىپ، تىران سىياسىي (كونا جۇمھۇرىيەتنى ساقلاپ قېلىش ئۇسلۇبى)نى بەرپا قىلىپ، فلورېنسىيىدىكى تاجىسىز كورۇلغا ئايلانغان. 1494-يىلى ساۋونارولا قوزغىغان پۇقرالار قوزغىلىڭىدا، مېدىچ جەمەتىدىكىلەر چەت ئەلگە سەرسان بولۇپ چىقىپ كەتكەن. 1512-يىلى ئىسپانىيە قوشۇنلىرىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، فلورېنسىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1527-يىلى يەنە سۈرگۈن قىلىنغان. 1530-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئارمىيىسىنىڭ ھىمايىسى بىلەن،يەنە فلورېنسىيىگە قايتىپ كەلگەن. 1532-يىلى فلورېنسىيە كىنەزلىك بولۇپ قۇرۇلغان؛ 1569-يىلى بۇ جەمەتتىكىلەر يەنە كىنەزنىڭ تاجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، توسكانا كىنەزلىكىنى بەرپا قىلغان، جۇمھۇرىيەت ئىسمى-جىسمى بىلەن بىراقلا يوق قىلىنغان. مېدىچ جەمەتىنىڭ فلورېنسىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقى 1737-يىلىغا قەدەر داۋاملاشقان. مۇھىم شەخسلەردىن كوسمو مېدىچ، لورېنزۇمېدىچ قاتارلىقلار بار ھەمدە ئىككىيلەن پاپا (لېئو Ⅹ بىلەن كىلېمېنت Ⅶ) بولۇپ سايلانغان. 

مېتىس تەسلىمى

  • مېتىس تەسلىمى[يەشمىسى:]1870 — 1871-يىللاردىكى پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىدا فرانسىيە ئارمىيىسى ئاساسىي كۈچىنىڭ پرۇسسىيىگە تەسلىم بولۇشى.1870-يىلى 8-ئايدا ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، فرانسىيە قوشۇنى كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولغان. فرانسىيە مارشالى بازاينې (Francois Achille Bazaine، 1811 — 1888) قوماندانلىق قىلغان فرانسىيە ئارمىيىسى ئاساسىي كۈچى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن مېتىز (Metz) قورولىغا چېكىنگەن. 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ناپالېئون Ⅲ سېداندا تەسلىم بولغان.4-كۈنى پارىژدا ئىنقىلاب بولۇپ، ئىككىنچى ئىمپېرىيە ئاغدۇرۇلۇپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، جۇمھۇرىيەت جاكارلانغان. 19-كۈنى پارىژ قورشاۋغا ئېلىنغان. 10-ئاينىڭ 27-كۈنى، 170 مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا ئىگە بولغان بازاينې ئۇرۇش قىلمايلا تەسلىم بولغان. مېتىس تەسلىمى توغرىسىدىكى خەۋەر پارىژدا 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى قوزغىلاڭنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1873-يىلى 12-ئايدا، بازاينې سوت تەرىپىدىن ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلغانلىق جىنايىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، لېكىن ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭى مېكماخۇن ئۇنى 20 يىللىق قاماققا ئۆزگەرتىۋەتكەن.

مېدىيە

  • مېدىيە[يەشمىسى:]Media) ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى قەدىمكى دۆلەت. مېدىيلار بىلەن پارسلار ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ ئىران تىلى گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ بولۇپ، مىلادىدىن تەخمىنەن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىران ئېگىزلىكىگە كۆچۈپ كىرگەن. مېدىيە قەبىلىلىرىنىڭ نامىنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىردىكى ئاسسۇرىيە ئويما يېزىقلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ. ئۇلار كۆپ قېتىم ئاسسۇرىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ كەلگەن ھەمدە ئۇنىڭ تەسىر كۈچى ئاستىدا بولۇپ كەلگەن. ئۇلار دەسلەپتە ئالتە قەبىلە ئىتتىپاق تۈزۈپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، دېئوكېس (Deiocec) ئۆزىنى «پادىشاھ» (قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ يولباشچىسى) دەپ ئاتاپ، قانۇن تۈزۈپ چىققان، ئىكباتان شەھىرىنى پايتەخت قىلىپ، دەسلەپكى دۆلەتنى شەكىللەندۈرگەن. پادىشاھ كىياكىسار(Cyaxares، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 625 — 585) دەۋرىدە، يېڭى بابىلون بىلەن بىرلىشىپ، ئىككى قېتىملىق كەسكىن جەڭ (مىلادىدىن ئىلگىرى 612 ، 605) ئارقىلىق ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنى يوقاتقان؛ يەنە ئورارتۇ بىلەن ماناغا ھەربىي يۈرۈش قىلغان. كەينىدىنلا لىدىيە بىلەن كىچىك ئاسىيانى تالىشىپ،ھالىس دەرياسى (Halys) بويىدا قاتتىق ئۇرۇش قىلغان، كېيىن كۈن تۇتۇلۇش تۈپەيلىدىن ئىككى تەرەپ سۈلھ شەرتنامە تۈزۈشكەن (ئېيتىلىشىچە بۇ قېتىمقى كۈننىڭ تۇتۇلۇشىنى يۇنان پەيلاسوپى تالېس مىلادىدىن 585 يىل ئىلگىرى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا ئېيتىپ بەرگەنىكەن)، بۇ چاغقا كەلگەندە مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغان. مىلادىدىن 550 يىل ئىلگىرى پادىشاھ ئاستىياگ (Astyages) دەۋرىدە ئاخىرى پېرسىيە پادىشاھى كۈرۈش تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 

مېرسېن پەرمانى

  • مېرسېن پەرمانى[يەشمىسى:]مىلادى 847-يىلى غەربىي فرانىك كورۇلى چارلېس (تاز) مېرسېن (Meerssen ياكى Merersen) دا ئېلان قىلغان بىر پەرمان. ئۇنىڭدا بارلىق ھۈرلەر كورۇل ياكى كورۇلنىڭ ھەرقانداق بىر ئەمەلدارىنى ئۆزىنىڭ خوجىسى قىلىپ تاللىشى، ئۆزى بېقىندى ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك. بېقىندى ئورۇندا تۇرغان ئادەم ئۆز خوجىسىغا سادىق بولۇشى، جەڭ ۋاقتىدا سەپەرگە ئاتلىنىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ پەرماندا خوجا بىلەن بېقىندى ئوتتۇرىسىدىكى بېقىندىلىق مۇناسىۋەت بەلگىلىنىپ، فېئودال دەرىجىلىك تۈزۈمنىڭ شەكىللىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مېرسېن شەرتنامىسى

  • مېرسېن شەرتنامىسى[يەشمىسى:]غەربىي فرانك كورۇلى چارلېس (تاز) بىلەن شەرقىي فرانك كورۇلى لۇئى (گېرمان) ئۆز يەزنىسى، مەرھۇم لوتار (LotharⅡ، ؟ — 869) نىڭ زېمىنى (يەنى لوررېن پادىشاھلىقى، Lotharingia) نى بۆلۈشۈۋالغان شەرتنامە. مىلادى 870-يىلى مېرسېن (Mersen، ھازىرقى گوللاندىيىنىڭ Meerssen) دا تۈزۈلگەن. شەرتنامىدە: چارلېس ئاساسەن ھازىرقى گوللاندىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، بېلگىيە، لوررېن ۋە رونا دەريا بويلىرىدىكى يەرلەرگە ئىگە بولغان؛ لوئى ئېلزاس ۋە رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى يەرلەرگە ئىگە بولغان. ئايرىلغان بۇ چېگرا ئۇزۇن داۋاملاشمىغان. لوررېن ئۇزۇنغىچە فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە تالىشىدىغان نىشان بولۇپ قالغان. 

مېركانتىلىزم

  • مېركانتىلىزم[يەشمىسى:]سودا ئەلاچىلىقى)ⅩⅧ - ⅩⅤ ئەسىردىكى غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى بىر تۈرلۈك ئىقتىسادىي سىياسەت ۋە دەسلەپكى مەزگىلدىكى بۇرژۇئازىيە سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقىدىكى بىر مەزھەپ. ئادام سىمىت ئۇنى «سودا ئىشلىرىدىكى ياكى سودىغا ئېتىبار بېرىشتىكى سىستېما» دېگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. مەركىزىي مەزمۇنى: پۇل بايلىقنىڭ ئاساسىي شەكلى، تاشقى سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئالتۇن، كۈمۈش پۇلغا ئىگە بولۇش دۆلەت بايلىقىنى جۇغلاشنىڭ ئاساسلىق يولى؛ دۆلەت ئىشلەپ چىقىرىلغان بۇيۇملارنى ئېكسپورت قىلىشنى رىغبەتلەندۈرۈپ، دېڭىز قاتناش قانۇن نىزاملىرىنى ئېلان قىلىپ، سودا شىركەتلىرىگە مونوپول قىلىش ئىمتىيازىنى بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىقتىسادقا بىۋاسىتاە∵ارىلىشىشى كېرەك دېگەندىن ئىبارەت. سودا ئەلاچىلىقى سىياسىتى يۈرگۈزۈشنىڭ تىپى— سېسىل (William Ceicll، 1520 — 1598) مالىيە ۋەزىرى بولغان مەزگىلدىكى (1572 — 1598) ئەنگلىيە ۋە كولبېرت مالىيە باش نازارەتچىسى بولغان (1665 — 1683) مەزگىلدىكى فرانسىيىدىن ئىبارەت. سودا ئەلاچىلىقى مەسلىكىنى ئىككى مەزگىلگە بۆلۈشكە بولىدۇ؛ دەسلەپكى مەزگىلدىكى پۇل پەرقى نەزەرىيىسىدىكىلەر (فىتىشىزم)، پۇلنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنى مەنئى قىلىپ، ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ كىرىشىنى تەشەببۇس قىلىشقان، بۇنىڭغا ئەنگلىيىلىك ستاففورد (William Stafford، 1554 — 1612) ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ كېيىنكى مەزگىلدىكى سودا پەرقى نەزەرىيىسىدىكىلەر، سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تاشقى سودا ئاكتىپ بالانىسىنى كېڭەيتىپ، زور مىقداردا پۇل كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇنىڭغا ئەنگلىيىلىك توماسمون (Thomas Mun، 1571 — 1641) ۋە فرانسىيىلىك مونچىرېتىن (Antoine de montchretien، 1575 — 1621) ۋەكىللىك قىلىدۇ. سودا ئەلاچىلىقى مەسلىدىكى كاپىتالنىڭ ئىپتىدائىي جۇغلىنىش مەزگىلىدىكى سودا كاپىتالنىڭ مەنپەئىتىنىڭ ئىدېئولوگىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، سودا كاپىتالى ھەرىكىتىنىڭ يۈزەكى ھادىسىگە قاراپ، پايدا ئوبوروت جەريانىدىن كېلىدۇ، دېگەن خاتا يەكۈن چىقارغان؛ لېكىن مۇھاپىزەتچىلىك سىياسىتى ئەينى چاغدا ئىشخانا قول سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مەيلىگە قويۇۋېتىش مەسلىكىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ دىققەت-نەزەرىمۇ ئوبوروت ساھەسىدىن ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە يۆتكىلىپ، سودا ئەلاچىلىقى بارا-بارا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. 

مېركانتىنى

  • مېركانتىنى[يەشمىسى:]Luigi Mercantini، 1821 — 1872) ئىتالىيىلىك شائىر، گارىبالدىنىڭ يېقىن دوستى. 1865-يىلدىن باشلاپ پالېرمو داشۆسىنىڭ ئىتالىيە ئەدەبىياتى ۋە تارىخشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. كۆپلىگەن سىياسىي شېئىر يېزىپ، ئىتالىيە خەلقىنى مىللىي مۇستەقىللىك ۋە بىرلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. بۇنىڭ ئىچىدە «ۋەتەنپەرۋەرلەر، ئالپ تېغى ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى!» دېگەن شېئىرى 1848— 1849-يىللاردىكى ئىتالىيە ئىنقىلابىنىڭ مەشھۇر مەدھىيە ناخشىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. 1858-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى گارىبالدىنىڭ تەكلىپى بويىچە يازغان ۋە نوتىغا سالغان «ئىتالىيە ناخشىسى» گارىبالدىنى مەدھىيىلەيدىغان مەشھۇر ناخشا بولۇپ قالغان. ۋەتەنپەرۋەرلىك مەزمۇنىدىكى شېئىرلىرىدىن يەنە «ساپورىدىن كەلگەن ئورمىچىلار»، «دەم ئېلىۋاتقان ئەسكەر» قاتارلىقلار بار. 

مېروۋې خاندانلىقى

  • مېروۋې خاندانلىقى[يەشمىسى:]تۇنجى فرانك كورۇللۇقى 486 — 751). ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ فرانكلارنىڭ باشلىقى مېروۋې (Merovee، ؟ — 458) نىڭ ئىسمى بىلەن نام ئالغانىكەن. مىلادى 486-يىلى مېروۋېنىڭ نەۋرىسى كروۋىي غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ گاللىيىدىكى قالدۇق كۈچلىرىنى تارمار قىلىپ، بۇ خاندانلىق.ىنى رەسمىي قۇرغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ تەرەققىياتى تۈپەيلىدىن فرانك كورۇللۇقى بارا-بارا ئاۋسترالىيە (Austrasia)، نېيىسترىيە (Neustria) ۋە بورگۇندى (Burgundy) دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، يۇقىرىقى ئۈچ قىسىمنىڭ ھوقۇقى ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئوردا خوجىدارىنىڭ قولىدا بولغان. كورۇل «ھۇرۇن خان» دەپ ئاتالغان. 687-يىلى ئاۋستراسىيە ئوردىسىنىڭ خوجىدارى پېپىن Ⅱ (PepinⅡ،؟ — 714) مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوردا خوجىدارى بولۇپ قالغان. 751-يىلى ئۇنىڭ نەۋرىسى پېپىن (پەتەك) پاپانىڭ ياردىمى بىلەن تەختكە چىقىۋالغان ۋە لوررېن خاندانلىقىنى قۇرغان.

مېروئې

  • مېروئې[يەشمىسى:]Meroe) مېروۋې (Merowe) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى نوبىيىدىكى شەھەرا (مىلادىدىن ئىلگىرى 590— 350) كۇش (Kush) پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. كېيىن ئاكسۇم ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ۋايران قىلىۋېتىلگەن. 1909-يىلى تېپىلغان. نېل دەرياسىدىكى 6-شارقىراتما بىلەن 5-شارقىراتما ئارىلىقىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا، ھازىرقى سۇداندىكى كابۇسىيا (Kabushi Yah) نىڭ شىمالىغا 4.6 كىلومېتر كېلىدىغان جايدا شەھەر رايونىدا خان ئوردىسى، ئۆي-ئىمارەت ۋە ئامون تەڭرى ئىبادەتخانىسى، شىرتەڭرىسى ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار. شەھەر كوچىلىرىنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن داشقال دۆۋىلەنگەن، بۇ شۇ چاغدا تۆمۈر تاۋلاش ئىشىنىڭ خېلى تەرەققىي تاپقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. تۈزلەڭلىكنىڭ شەرقىدىكى قەبرىستانلىق ھەربىرىدە يۈزدىن ئارتۇق قەبرە بولغان جەنۇب، ئوتتۇرا ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئۈچ قەبرىستانلىقتىن تەركىب تاپقان. پادىشاھلار قەبرىستانلىقىمۇ ئۈچ جايدا بولۇپ، جەنۇبتىكى قەبرىستانلىقتا 200 دىن ئارتۇق قەبرە بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاۋۋال مېروئېدىكى ئاراكاكامانى شاھ دەپنە قىلىنغان ئېھرام (مىلادىدىن 300 يىل ئىلگىرىكى مەزگىل ئەتراپىدا) ۋە ئىككى شاھ، ئالتە خانىكە دەپىن قىلىنغان ئېھرام، خان جەمەتى قويۇلىدىغان ماستابا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىمالدىكى قەبرىستانلىقتا 50 نەچچە پادىشاھ ۋە خانىكىنىڭ قەبرىسى بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلانغان. غەربتىكى قەبرىستانلىقتا خان جەمەتىنىڭ ئېھراملىرى ۋە ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ قەبرىلىرىدىن 500 دىن كۆپرەكى بار. قېزىپ تېپىلغان نەرسىلەر ئىچىدە جۇڭگودا ئىشلەنگەن داڭقانمۇ بار. 

مېرىڭ

  • مېرىڭ[يەشمىسى:]Franz Mehring، 1846 — 1919) گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى سولچى ئەرباب، تارىخشۇناس، سىياسىي ئوبزورچى، گېرمانىيە كومپارتىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1866 — 1870-يىللىرى لېيپسىگ ۋە بېرلىندا كلاسسىك پەلسەپە ئۆگەنگەن. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا بۇرژۇئا دېموكراتىزمچىسى بولۇپ، «ۋېسېر گېزىتى»، «بېرلىن خەلق گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا بېسمارك ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسىتىگە قارشى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ تۇرغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ماركسىزمنى قوبۇل قىلىپ، سوتسىيالىزم ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1891-يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە كىرگەن، «يېڭى دەۋر» دېيىلىدىغان پارتىيە ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى بولغان. 1902 — 1907-يىللىرى «لېيپسىگ خەلق گېزىتى» نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولغان. بېرنىشتېين رىۋىزىئونىزمىغا قارشى كۈرەشكە ئاكتىپ قاتناشقان. 1913-يىلى كائۇتىسكى قاتارلىقلار تەرىپىدىن «يېڭى دەۋر» تەھرىر بۆلۈمىدىن سىقىپ چىقىرىلغان، كېيىن ليۇكسېمبۇرگ قاتارلىقلار بىلەن گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى سولچىلىرىنىڭ ژۇرنىلى «سوتسىيال دېموكراتلار خەۋىرى» نى چىقىرىپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. 1915-يىلى ليۇكسېمبۇرگ قاتارلىقلار بىلەن «ئىنتېرناتسىئونال» ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، سوتسىيال شوۋېنىزمچىلارغا قارشى كۈرەشنى پائال قانات يايدۇرغان. 1916-يىلى سولچىلار تەشكىلاتى بولغان سپارتاكچىلارغاقاتناشقان، شۇيىلى 8-،12-ئايلاردا جاھانگىرلىككە، ئۇرۇشقا قارشى ھەرىكەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئەكسىيەتچى دائىرىلەر تەرىپىدىن قاماققا ئېلىنغان. 1917-يىلى پرۇسسىيە پارلامېنتى ئەزالىقىغا سايلىنىپ، پارلامېنت مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ داۋاملىق تۈردە جاھانگىرلىككە، ئۇرۇشقا قارشى نۇتۇق سۆزلىگەن. 1918-يىلى گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابى مەزگىلىدە، گېرمانىيە كومپارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە پارتىيە مەركىزى كومىتېتى رەھبەرلىرىدىن بولۇپ سايلانغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى: «لېسسىڭ سەرگۈزەشتلىرى»، «گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى تارىخى»، «كارل ماركس»، «ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن بۇيانقى گېرمانىيە تارىخى» قاتارلىقلار.

مېرىمدې مەدەنىيىتى

  • مېرىمدې مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]مىسىرنىڭ يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىكى مەدەنىيىتى. نىل دەرياسى دېلتىسىنىڭ جەنۇبىدا قاھىرە ئەتراپىدىكى مېرىمدې (Merimde) دا تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇ يەردىن بىسىغا چاقماق تېشى ئورنىتىلغان ياغاچ ئورغاق، ئۇرۇق ئايرىش ئەسۋابلىرى ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى ساپال قاچىلار، شۇنىڭدەك كالا، قوي، چوشقا ئۇستىخانلىرى تېپىلغان. تاشتىن ئىشلەنگەن ئەسۋابلار ۋە قوراللار خېلى نەپىس ئىشلەنگەن. تۇرالغۇ جاي ئىچىدە كېسەكتىن ۋە قومۇچتىن ياسالغان دۈگىلەك شەكىلدىكى كىچىك ئۆيلەر بار. ئەرلەر ئاساسەن دېھقانچلىق ۋە مال بېقىش بىلەن شۇغۇللانغان، ئاياللار ساپال قاچىلاردا تاماق پىشۇرغان، كاناپتا كىيىم تىككەن. مېرىمدې باسقۇچىدىكى يېڭى تاش قوراللار مەدەنىيىتىگە ئاساسەن تەڭ كېلىدىغان ئەھۋاللارنى ئارخېئولوگلار يۇقىرىقى، تۆۋەنكى مىسىردىن كۆپلەپ تاپقان. 

مېرىنا پادىشاھلىقى

  • مېرىنا پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]ماداغاسقار ئارىلىدىكى پادىشاھلىق. مېرىنا (Merina) دېگەن سۆز «تاغلىق دۆلەت» دېگەن مەنىدە. ⅩⅨ ئەسىردە قۇرۇلغان، ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئىكوپا (Ikopa) جىلغىسى مەركەز قىلىنغان ئوتتۇرا قىسىمنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. تانانا رىۋىي پايتەخت قىلىنغان. ⅩⅦ ئەسىردە فېئوداللىق ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن تۈزۈمدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. ⅩⅧ ئەسىردە تۆت كىچىك پادىشاھلىققا بۆلۈنگەن. ئۇلار ئۆزئارا ھوقۇق تالاشقان. 1797-يىلى ئاندرىئا نامپوئىنىمېرىنا (Andrianampoinimerina، 1780 — 1810-يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) پادىشاھلىقنى يېڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىپ، مەمۇرىي رايونغا ئايرىغان. ئۇنىڭ ئوغلى رامادا Ⅰ تەختكە چىققاندىن كېيىن پۈتۈن ئارالنى ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نامىنى ماداغاسقار پادىشاھلىقى دەپ ئۆزگەرتكەن. 

مېستا

  • مېستا[يەشمىسى:]Mesta) مېستا لاتىنچە مېستۇس (Mestus) دىن كەلگەن بولۇپ، «بىرلىشىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ⅩⅨ - ⅩⅧ ئەسىرلەردە ئىسپانىيىدە قويچىلىق خوجايىنلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئىتتىپاق. ئەزالىرىنىڭ كۆپى چوڭ فېئوداللار بىلەن دىنىي رىتسارلار پولكىنىڭ ئادەملىرى. 1273-يىلى كاستىلىيىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئەدلىيە قاتارلىق ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولغان. ئىتتىپاقنىڭ كۆپ ساندىكى قوي پادىلىرى كۈز پەسلىدە شىمالدىن جەنۇبقا، ئەتىياز پەسلىدە جەنۇبتىن شىمالغا قەرەللىك ھەيدەپ بېقىلىپ، يول بويى ئېتىز-ئېرىق، ئوتلاق ۋە ئۈزۈمزارلىقلارنى ۋەيران قىلغانلىقتىن، دېھقانلار رېشاتكا ياساپ توسۇشقا مەجبۇر بولغان. ⅩⅥ ئەسىرگە كەلگەندە، غەربىي ياۋروپانىڭ قوي يۇڭىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئىتتىپاقنىڭ چارۋىچىلىق فېرمىلىرى ئېتىز-ئېرىقنى ۋەيران قىلىش ھېسابىغا يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، قوي سانى بىر مەزگىل 7 مىليون تۇياققا يەتكەن. ⅩⅧ ئەسىردە ئىتتىپاقنىڭ ئىمتىيازى بىكار قىلىنغان. 1836-يىلى ئىتتىپاق تارقىتىۋېتىلگەن. 

مېسسېن مارك

  • مېسسېن مارك[يەشمىسى:]Meissen Mark) مېسسېن چېگرا رايونى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ چېگرا رايونى، ئېلبا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىم ۋادىسى (ھازىرقى گېرمانىيىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمى) غا جايلاشقان. ئەسلى سلاۋىيانلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان سېربىيەلۇژىتسلىرى (Лужицы) ئولتۇراقلاشقان رايون. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گېرمانىيە فېئوداللىرى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، مېسسېن مارك تەسىس قىلىنغان. 1264-يىلى تۇرىنگېننى قوشۇۋالغان. 1423-يىلى يەنە كورۇل سايلىمىغا قاتنىشالايدىغان بەلگىلىك ساكسېن-ۋىتتېنبېرگ بەگلىكىنى قوشۇۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن مېسسېن ئەتراپى كورۇل سايلىمىغا قاتنىشالايدىغان يېڭى ساكسېن بەگلىكىنىڭ مەركىزى رايونىغا ئايلىنىپ، نامى ساكسېنغا ئۆزگەرتىلگەن. 

مېسسېنىيە ئۇرۇشى

  • مېسسېنىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:]ھېلوتلار قوزغىلىڭىمۇ دېيىلىدۇ. مېسسېنلارنىڭ سپارتا ئىستېلاچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىردە سپارتالىقلار غەربتىكى قوشنىسى مېسسېنىيە (Messenia) رايونىغا بېسىپ كىرىپ، مېسسېنلار (شۇلارنىڭ تولىسى ئاچايالارنىڭ ئەۋلادى) نى قۇل قىلغان (ھېلۇتلار). شۇنىڭ بىلەن ھېلۇتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىقىنى قوزغىغان. كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغىنى ئۈچ قېتىم (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 743 — 724، مىلادىدىن ئىلگىرى 685 — 668، مىلادىدىن ئىلگىرى 464 — 455)، بولۇپمۇ ئۈچىنچى قېتىملىقى ئەڭ كەسكىن بولغان. مىلادىدىن 464 يىل ئىلگىرى سپارتادا يەر تەۋرىگەن، ھېلوتلار سپارتالىقلارنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تېزلىكتە پۈتكۈل مېسسېنىيە ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى لاكونىيىگە كېڭەيگەن. ئۇنىڭ ھەيۋىسى كۈچلۈك بولۇپ،بىر مەھەل سپارتا شەھىرىگە يېقىن بارغان. سپارتا ھۆكۈمرانلىرى ئالاقزادە بولۇپ، ھەرقايسى بەگلىكلەردىن ياردەم سوراپ، ئاخىرى قوزغىلاڭچىلارنى ئېگىز ھەم خەتەرلىك بولغان ئىتومې (Ithome) تېغىغا چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان. قوزغىلاڭ ئون يىل داۋام قىلىپ، مىلادىدىن 455 يىل ئىلگىرى باستۇرۇلغان، بىراق قوزغىلاڭچىلار بالا-چاقىسىنى ئېلىپ پېلوپۇننېسوس يېرىم ئارىلىدىن چېكىنىپ چىققان (ئوتتۇرا گرېتسىيىدىكى نوپېكتكە كۆچۈپ بارغان). ئۇرۇش مۇشۇ بىر تۈركۈم ھېلوتلارنىڭ قۇللۇقتىن قۇتۇلۇشى بىلەن ئاياغلاشقان. شۇنىڭدىن كېيىن مېسسېنلار يەنە كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، مىلادىدىن 369 يىل ئىلگىرى مۇستەقىللىككە ئىگە بولغان. ئاخىرى، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىردە رىمغا بېقىنغان. 

مېستىزو

  • مېستىزو[يەشمىسى:]ئىسپانچە Mestizo نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، مەنىسى پىروتكا دېگەنلىك بولىدۇ. ئىسپانىيىگە قاراشلىق ئامېرىكىدا ئىندىئان — ياۋروپالىق ئارىلاش قانلىقلارنى، ئومۇمەن ئىسپانلار بىلەن ئىندىئانلارنىڭ ئەۋلادىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى كرېئولېلار (يەرلىك ئاق تەنلىكلەر) نىڭكىدىن تۆۋەن، لېكىن ئىندىئانلارنىڭكىدىن سەل يۇقىرى، ئۇلار جەمئىيەتتىكى كەڭ ئەمگەكچىلەر قاتلىمىنى ھاسىل قىلىپ، ئاق تەنلىك ھۆكۈمرانلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى كەمسىتىشى ۋە زۇلۇمىغا ئۇچرىغان، مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا ئاكتىپ قاتناشقان. ئۇلار تا ھازىرغىچە ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى، كولومبىيە، ۋېنسۇئېلا، پاراگۋاي قاتارلىق دۆلەتلەردە يەنىلا ناھايىتى زور نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. 

مېسوپوتامىيە

  • مېسوپوتامىيە[يەشمىسى:]Mesopotamia) بۇ «ئىككى دەريا ئارىلىقىدىكى جاي» دېگەن مەنىدە بولۇپ، قەدىمكى يۇنانلىقلار ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى جايلارنى شۇنداق دەپ ئاتىغان. بۇ ئىككى دەريا ئېفرات دەرياسى بىلەن تىگر دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ھەر ئىككىسى ھازىرقى تۈركىيىدىكى ئەرمىنىيە ئېگىزلىكىدىن باشلىنىدۇ (قەدىمكى زاماندا تۆۋەنكى ئېقىمى پاراللېل ئېقىپ پارس قولتۇقىغا قۇيۇلاتتى). بۇ جاي ھازىرقى ئىراق جۇمھۇرىيىتىگە تەڭ كېلىدۇ. مېسوپوتامىيىنىڭ شىمالىي ئاسسۇرىيە، جەنۇبىي بابىلۇنىيە دەپ ئاتىلىدۇ؛ بابىلۇنىيىنىڭ شىمالىي ئاككاد، جەنۇبىي سۇمېر دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككى دەريادا ھەر يىلى قەرەللىك تاشقىن بولۇپ، تۈزلەڭلىككە مۇنبەت لاتقا ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ دېھقانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق. بىراق قەدىمكى زاماندىكى ئاھالىلىرى سۇمېرلار بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇلار مېسوپوتامىيە ۋادىسى رايونىدىكى مەدەنىيەتنىڭ ياراتقۇچىلىرى ئىكەن. كېيىن سېمولار كېلىپ، بابىلۇن، ئاسسۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى قۇرغان. 

مېشۇئېن شەرتنامىسى

  • مېشۇئېن شەرتنامىسى[يەشمىسى:]1703-يىلى پورتۇگالىيە بىلەن ئەنگلىيە ئىمزالىغان شەرتنامە. ئەنگلىيىگە ۋەكالىتەن لىسابوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى مېشۇئېن (John Methuen، تەخمىنەن 1650 — 1705) ئىمزا قويغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. شەرتنامە بويىچە، پورتۇگالىيە ئەنگلىيە يۇڭ توقۇلما ماللىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلغان (پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتى 1677-يىلى ھەرقانداق دۆلەتنىڭ يۇڭ توقۇلما ماللارنى ئېلىپ كىرىشىنى مەنئى قىلغان)، ئەنگلىيە ئۆز دۆلىتىگە كىرگۈزۈلىدىغان پورتۇگالىيە ھاراقلىرىغا قارىتا چېگرا بېجى جەھەتتە ئېتىبار بېرىدىغان بولغان. بۇ شەرتنامە كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە پورتۇگالىيىنىڭ ئاساسىي سودا ئوبيېكتى بولۇپ قالغان، پورتۇگالىيىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ سانائىتى بېسىمغا ئۇچرىغان، ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈندىن-كۈنگە ئەنگلىيىگە بېقىنغان. 1836-يىلى بۇ شەرتنامە بىكار قىلىنغان.

مېكسىكىغا يۈرۈش قىلىش

  • مېكسىكىغا يۈرۈش قىلىش[يەشمىسى:]1862 — 1867-يىللىرى فرانسىيىنىڭ تاشقى قەرزنى قايتۇرۇش ۋاقتىنى كېچىكتۈردى دېگەننى باھانە قىلىپ مېكسىكىغا يۈرگۈزگەن قوراللىق مۇداخىلىسى. 1862-يىلى 1-ئايدا ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە كەينى-كەينىدىن مېكسىكىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، مېكسىكا خەلقىنىڭ باتۇرانە قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 4-ئايدا ئىچكى زىددىيەت تۈپەيلىدىن، ئەنگلىيە بىلەن ئىسپانىيە قوشۇنىنى چېكىندۈرگەن. ناپولېئون Ⅲ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرۇۋەرگەن. 1863-يىلى 6-ئايدا مېكسىكا شەھىرىنى بېسىۋالغان. ئىككىنچى يىلى ئاۋسترىيىنىڭ كىنەزى ماكسىمىليان (Ferdinad Maximilian، 1832 — 1867) نى مېكسىكا پادىشاھى قىلىپ تۇرغۇزغان. مېكسىكا خەلقى خوئارېزنىڭ رەھبەرلىكىدە، بەش يىل قانلىق جەڭ قىلىپ، 1867-يىلى فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى قوغلاپ چىقارغان، ماكسىمىلياننى ئۆلتۈرۈپ مېكسىكا شەھىرىنى قايتۇرۇۋالغان ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھەم مۇستەقىللىكىنى قوغدىغان. 

مېكسىكىنىڭ 1910 — 1917-يىللاردىكى ئىنقىلابى

  • مېكسىكىنىڭ 1910 — 1917-يىللاردىكى ئىنقىلابى[يەشمىسى:][墨西哥一九一○至一九一七年革命] مېكسىكا خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە، فېئوداللىققا قارشى بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى. 1910-يىلى 10-ئايدا زاپاتا ۋە ۋىللا دېھقانلارغا رەھبەرلىك قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئىككىنچى يىلى 5-ئايدا دىياسنىڭ ئىستىبىدات ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 10-ئايدا مادېرو (Francisco Indalecio Madero، 1873 — 1913) زۇڭتۇڭ بولغان. 1913-يىلى 2-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، خۇئېرتا (Victoriano Huerta، 1854 — 1916) سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان، دېھقانلار ئارمىيىسى پايتەخت مېكسىكا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن. 1914-يىلى 7-ئايدا خۇئېرتا ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. لېكىن لىبرالىست كاررانزا (Venustiano Garranza، 1859 — 1920) دېھقانلار ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ھەمدە 1915-ۋە 1917-يىللىرى يەر قانۇنى ۋە ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلغان. لېكىن ئۇ دېھقانلارنىڭ يەر مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىغان. بۇ قېتىمقى ئىنقىلاب ئامېرىكىنىڭ ئىككى قېتىملىق (1914-يىلى 4-ئاي ۋە 1916-يىلى 3-ئاي) تاجاۋۇزچىلىقىنى تارمار قىلىپ، جاھانگىرلىك ۋە ئىچكى فېئودال كۈچلەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، مېكسىكىنىڭ مىللىي ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق شەرت-شارائىت يارىتىپ بەرگەن. 

مېكلېنبۇرگ كىنەزلىكى

  • مېكلېنبۇرگ كىنەزلىكى[يەشمىسى:]گېرمانىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي مېكلېنبۇرگ (Mecklenburg) رايونىدىكى فېئودال كىنەزلىك. بۇ رايون ئەسلىدە سلاۋىيانلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان ئوبودىتلارنىڭ زېمىنى. 1160-يىلى ساكسونىيە بىلەن باۋارىيە گېرتسوگى گېنرىخ (ئارىسلان) ئوبدرىتلارنى بويسۇندۇرۇپ، مېكلېنبۇرگنىڭ كۆپ قىسمىنى بېسىۋالغان؛ 1170-يىلى مۇشۇ ئاساستا مېكلېنبۇرگ كىنەزلىكىنى بەرپا قىلىپ، ساكسونىيە گېرتسوگلۇقىغا قارام قىلغان. 1348-يىلى مۇستەقىل بىر كىنەزلىككە ئايلانغان. 1701-يىلى مېكلېنبۇرگ شىۋېرىن (Mecklenburg - Schwerin) كىنەزلىكى ۋە مېكلېنبۇرگ-سىترېلتىس (Mecklenburg - Strelitz) كىنەزلىكىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1867-يىلى بۇلار شىمالىي گېرمانىيە فېدېراتسىيىسىگە قاتناشقان. 1871-يىلى يەنە قوشۇلۇپ گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.

مېگارا

  • مېگارا[يەشمىسى:]Megara) قەدىمكى يۇناننىڭ مۇھىم شەھىرى. مېگارىس (Megaris) رايونىنىڭ پايتەختى، سالونىكا لىمانىنىڭ قىرغىقىدا بولۇپ، سالامىن ئارىلىنىڭ ئۇدۇلىدا. ئورنى ئافىنا بىلەن كورنتوستىن ئىبارەت ئىككى چوڭ شەھەر دۆلىتىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان بولۇپ ئافىناغا تەخمىنەن 42 كىلومېتر، كورىنتوسقا 50 كىلومېتر كېلىدۇ. دەسلەپ مېگارا بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا لېلېگېلار (Leleges) ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بىر مەزگىل ئاتتېكا (ئافىنا) لىقلارغا بېقىندى بولغان. كېيىن دوررېيانىلار تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنىپ، كورىنتوسقا قارام بولغان. بۇ يەر دېڭىز سودىسىغا ئەپلىك ھەمدە ئوبدان تەبىئىي پرىستانغا ئىگە بولغانلىقتىن، تېز بېيىپ، تەسىر كۈچى كۈنسايىن زورىيىپ بارغان ھەمدە مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. سىرتتا بىرقانچە مۇستەملىكىلەرنى بەرپا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە مەشھۇرلىرى بوسفور بوغۇزىنىڭ ئىككى يېنىدىكى خالسېدون(Chalcedon)بىلەن ۋىزانتىيىم(Byzantium، ۋىزانتىيە) ۋە سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مېگارا (Megara Hyblaea) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. دېڭىزدىكى مەنپەئەتنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇپ، ئافىنا بىلەن سالامىن ئارىلىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى (بۇ ئارال ئاخىرى ئافىنانىڭ قولىغا ئۆتكەن) تالىشىپ كەلگەن. دەسلەپ ئاقسۆڭەكلەر سىياسىينى يولغا قويغان بولۇپ، مىلادىدىن 620 يىل ئىلگىرى ئاددىي خەلقنىڭ يولباشچىسى تېئاگېن (Theagenes) ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىۋالغان (كېيىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلگەن)، كېيىن دېموكراتىك سىياسىيگە ئۆزگەرتىلگەن؛ ئاددىي خەلق بىلەن ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئۈزلۈكسىز داۋام قىلغان. يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى داۋامىدا ئافىنا بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. مىلادىدىن 461 يىل ئىلگىرى ئافىنا ئەسكەر ئەۋەتىپ مېگارا شەھىرىدە تۇرغۇزغان (مىلادىدىن 441 يىل ئىلگىرى بۇ يەردىن چېكىنىپ چىققان). پېلوپوننېس ئۇرۇشىدا ۋەيران بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزاق ۋاقىت كۈچلۈك قوشنىلىرىنىڭ تىزگىنلىشى ئاستىدا پەيدىنپەي زاۋالغا يۈز تۇتقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە رىم ئۆزىگە قوشۇۋالغان بولۇپ، رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئۆزىنىڭ مۇھىم ئورنىدىن مەھرۇم بولغان. مېگارا شەھىرى مېگارا ئىلمىي ئېقىمىنىڭ (پەلسەپە) ماكانى. سوقراتنىڭ شاگىرتى ئوكلىد بۇ ئىلمىي ئېقىمغا ئاساس سالغۇچى. 

مېگاستېن

  • مېگاستېن[يەشمىسى:]Megasthes، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 350 — 280) قەدىمكى يۇنانلىق يازغۇچى، سېلېۋكنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرى (مىلادىدىن 303 يىل ئىلگىرى) سېلېۋك پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سېلېۋك Ⅰ ھىندىستاندىكى چاندىرا گۇپتا (Chandragupta) بىلەن سۈلھ شەرتنامە تۈزگەن، سېلېۋكⅠ ئۇنى ھىندىستاندىكى توز (ماۋوريا) خاندانلىقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن (ئۇ مىلادىدىن تەخمىنەن 292 يىل ئىلگىرى ئەلچى بولۇپ تۇرغان). ھىندىستاننىڭ ئەينى زاماندىكى پايتەختى پاتالىپۇترا شەھىرى (ھازىرقى بىھار شتاتىنىڭ پاتنا دېگەن يېرى) ۋە باشقا جايلارنى ئايلىنىپ، كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى توپلاپ «ھىندىستان خاتىرىسى» (تۆت توم) نى يېزىپ چىققان. بۇنىڭدا ھىندىستاننىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي، تاغ-دەريالىرى، ئىتنوگرافىيىسى قاتارلىقلارغا دائىر ئەھۋاللار قەيت قىلىنىپ، غەربنىڭ قەدىمكى ھىندىستاننى چۈشىنىشى ئۈچۈن قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن. ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى يوقالغان بولۇپ، باشقا قەدىمكى زامان يازغۇچىلىرى (سترابون، ئاررىئان، پلىنىئوس قاتارلىقلار) نىڭ كەلتۈرگەن نەقىللىرىدىن ئۇنىڭ پارچىلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. 

مېڭچۇاڭ سۇشى(ئېمىمادوتسۇكانېئىۋا)

  • مېڭچۇاڭ سۇشى(ئېمىمادوتسۇكانېئىۋا)[يەشمىسى:]1275 — 1351) ياپونىيىدىكى كاماكۇرانىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن جەنۇب، شىمال سۇلالىلىرى دەۋرىگىچە بولغان لىن چىزۇڭ مەزھىپىدىكى راھىب. ئېسى (ھازىرقى ميې ناھىيىسى) دە تۇغۇلۇپ، كاي (ھازىرقى شەنلى ناھىيىسى) دە چوڭ بولغان. توققۇز يېشىدا ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن، دەسلەپ تيەنتەي، جىنيەنزۇڭنى ئۆگەنگەن، كېيىن راھىپلىققا قايتقان. ئۇنىڭ ئېتىقادچىلىرى ئىچىدە كېيىنكى تېننو تىخۇ، ئاشىكاگوتاكاخى، ئاشىكاگونايوشى ئىككىسى، شىمال سۇلالىلەر دەۋرىدىكى تېننو گۇاڭيەن، گۇاڭمىڭ قاتارلىقلار بار. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاكا-ئۇكا ئاشىكاگولار بىلەن جەنۇب-شىمال سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشتۈرۈش ئىشىغا قاتناشقان. ئىككى قېتىم كيوتودىكى نەندەن بۇتخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغان، كايدىكى خۇيلىن بۇتخانىسىنى، كيوتودىكى تيەنلۇڭ بۇتخانىسىنى قۇرغان. گىتوكانېنوبۇ، تارۇمىكاي قاتارلىقلارنى يېتىشتۈرگەن، ئۇلار ۋۇشەن ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ قالغان. ئۇ ياساتقان باغلىق ھويلىلاردىن راھىبلىق پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ «چۈشتىكى سوئال-جاۋابلار»، «ئېمىمادو دۆلەت ئۇستازى ۋە قوشاقلار توپلىمى» دېگەن ئەسەرلىرى بار. ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئېمىمادو، جېڭجۆ، شىنزۇڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭغا دۆلەت ئۇستازى دەپ نام بەرگەن، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن سىياگۇن ئاشىكاگو ئۇنىڭغا كەينى-كەينىدىن تۆت دۆلەت ئۇستازى نامىنى بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن «يەتتە سۇلالە دۆلەت ئۇستازى» دەپ ئاتالغان. 

مېلانچتون

  • مېلانچتون[يەشمىسى:]Philipp Melanchthon، 1497 — 1560) گېرمانىيىلىك تىلشۇناس، لۇتېر مەزھىپىنىڭ باشلىقى. قورال-ياراق ئۇستىسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. تۇبىنگېن (Tubingen) شەھىرىدە ئوقۇغان. 1518-يىلى ۋىتتېنبېرگ داشۆسىدە يۇنان تىلى پروفېسسورى بولغان ھەمدە گېرمانىيە دىن ئىسلاھاتچىسى مارتىن لۇتېر بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ يېقىن ياردەمچىسى بولۇپ قالغان. شەھەر خەلقى ۋە دېھقانلارنىڭ دىن ئىسلاھاتچىسى مۇنزېرغا ۋە گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشىغا دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان. 1530-يىلى لۇتېر مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىش پروگراممىسى — «ئاۋگىسبۇرگ ئېتىقاد پروگراممىسى» نى تەييارلىغان. 1546-يىلى مارتىن لۇتېر ئۆلگەندىن كېيىن، لۇتېر مەزھىپىنىڭ باشلىقلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان. كاتولىك دىنى بىلەن مۇرەسسە قىلىش يولىنى ئىزدىگەنلىكتىن، ئەنئەنىۋى لۇتېر مەزھىپى مۇرىتلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان. يۇنان تىلى گرامماتىكىسى ۋە لاتىن تىلى گرامماتىكىسى قاتارلىق دەرسلىكلەردىن بىرنەچچە خىلنى يازغان. 

مېللا

  • مېللا[يەشمىسى:]Julio Antonio Mella، 1903 — 1929) كۇبا كومپارتىيىسىنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى. ھاۋانا داشۆسىدە ئوقۇغان، 1923-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىسلاھاتى ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1924-يىلى ھاۋانا كوممۇنىزمچىلار جەمئىيىتىگە كىرگەن. ئىككىنچى يىلى 8-ئايدا، كۇبا كومپارتىيىسى قۇرۇلۇپ، مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغان ( باش سېكرىتار بولغان دېگەن گەپمۇ بار) «سىنىپىي كۈرەش» دېگەن ئورگان ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولغان. 11-ئايدا، ماچادونىڭ ئىش تاشلىغان ئىشچىلارنى باستۇرۇشىغا قارشى تۇرغانلىقتىن قولغا ئېلىنغان، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن مېكسىكىدا پاناھلانغان ھەمدە مېكسىكا كومپارتىيىسىگە كىرگەن. 1927 — 1928-يىللىرى ياۋروپادا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، بريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلغان. 1928-يىلى مېكسىكىدا پرولېتارىنتودنىتلار جەمئىيىتىنى قۇرغان. 1929-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى مېكسىكا شەھىرىدە ماچادوغا ياللانغان قاتىل تەرىپىدىن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن. 

مېللون

  • مېللون[يەشمىسى:]Andrew William Mellon، 1855 — 1937) ئامېرىكىلىق مونوپول كاپىتالىست. پىتىسبۇرگدا تۇغۇلغان، داشۆدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىنىسى رىكارد مېللون بىلەن بىرلىشىپ ياغاچ ماتېرىياللىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇزاق ئۆتمەي ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن دادىسى، بانكىر، ئادۋوكات توماس مېللون بىلەن بىرلىشىپ پۇل مۇئامىلىسى بىلەن شۇغۇللانغان. 1886-يىلى توماس پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن ۋارىسلىق قىلغان. 1889-يىلى پىتىسبۇرگ بىرلەشمە ھاۋالە شىركىتىنى تەسىس قىلغان، ئۇ كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ ھاۋالە شىركىتى بولۇپ قالغان. كېيىن مېللون بانكىسىنى پۇل مۇئامىلە مەركىزى، ئامېرىكا ئاليۇمىن شىركىتى، دېڭىز قولتۇقى نېفىت شىركىتىنى ئىككى چوڭ تۆۋرۈك قىلغان ھالدا، غايەت زور مونوپول مالىيە گۇرۇھى شەكىللەنگەن. 1921 — 1931-يىللىرى خاردىڭ، كوئولېدگې، خوئوۋېر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيە مىنىستىرى بولۇپ، سىياسىي كۈچكە تايىنىپ، مالىيە گۇرۇھىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن. 1931 — 1932-يىللىرى ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. پىتىسبۇرگ مېللون سانائەت تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلغان. «باج خەلقنىڭ ئىشى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

مېلليېر

  • مېلليېر[يەشمىسى:]Jean Mellier، 1664— 1729) فرانسىيىلىك خىيالىي كوممۇنىزمچى. يېزا توقۇمىچىلىق ئىشچىسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، پوپ بولغان. ئۆز ھاياتىنى يېزىدا ئۆتكۈزگەن، دېھقانلارنىڭ سەرگۈزەشتلىرىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلغان، رەزىل ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە قاتتىق غەزەپلەنگەن. ئۇ، ماددا مەڭگۈلۈك بولىدۇ، ئۇنى ئىجاد قىلغىلى بولمايدۇ، ئاڭ ماددىنىڭ مەھسۇلى؛ دىن خەلقنى ئالدايدىغان قورال، پادىشاھلىق تۈزۈم جەمئىيەتتىكى باراۋەرسىزلىكنى قوغدايدۇ، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك باراۋەرسىزلىك ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە ھادىسىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارىغان. خەلقنى ئىنقىلاب قىلىپ، مەۋجۇت زوراۋانلىق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرغان. دىنىي رايون كوممۇنىسى شەكلىدىكى كوممۇنىستىك غايىنى يەنى بىر دىنىي رايوندىكى بارلىق ئاھالە ئائىلە شەكلىدىكى بىر كوممۇنىنى تەشكىل قىلىپ، بايلىقنى بىرلىكتە باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، ھەممە ئادەم ئەمگەك قىلىش، بىر-بىرىنى قېرىنداشلارچە ھۈرمەتلەش؛ كوممۇنىلار ئارا ئىتتىپاق تۈزۈپ، تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەسۋىرلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ «ۋەسىيەت» دېگەن ئەسىرى بار.

مېلۋىل

  • مېلۋىل[يەشمىسى:]Herman Melville، 1819 — 1891) ئامېرىكىلىق يازغۇچى نيۇ-يوركتىكى باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تېخنىكۇم تەربىيىسى ئالغان. بانكا خىزمەتچىسى، يېزا ئىگىلىك مەيدانىنىڭ ئىشچىسى، يېزا مۇئەللىمى بولغان. 1839-يىلى سودا پاراخوتىدا ئىشلىگەن. 1841-يىلى كىت ئوۋلاش كېمىسى بىلەن سەپەرگە چىقىپ، جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ماكساس تاقىم ئاراللىرىدىكى تېئىبلار ئىچىدە ئالاھازەل تۆت ئايدەك تۇرمۇش كەچۈرگەن. 1844-يىلى بوستۇنغا قايتىپ كەلگەن. 1846-يىلى تۇنجى ئەسىرى «تېئىبلار» نى ئېلان قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بىر ياقتىن دېڭىزچىلىق قىلىپ، بىر ياقتىن يېزىقچىلىق قىلغان. 1866 — 1885-يىللىرى نيۇ-يوركتا تاموژنا تەپتىشى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۆپرەك دېڭىز-ئوكيان ھاياتىنى ئاساس قىلغان. دىن تارقىتىش نامى بىلەن مۇستەملىكىچىلىك سىياسەتنى يولغا قويۇشنى ئەيىبلىگەن، بۇرژۇئا ئەخلاق-قانۇنچىلىقىنى تەنقىد قىلىپ، غايىۋى ئوتوپىيە جەمئىيەتنى سۈرەتلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «موب-دىك»، «ئاق كىت»، «ئوم»، «مالدى»، «پىئېر» قاتارلىقلار بار. 

مېمفىس

  • مېمفىس[يەشمىسى:]Memphis) قەدىمكى مىسىردىكى بىر شەھەر. نىل دەرياسى دېلتىسىنىڭ جەنۇبىي تۇمشۇقىغا جايلاشقان، ھازىرقى قاھىرە يېنىدىكى مىت راخىنا (Mit Rahina) كەنتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا تەخمىنەن مىلادىدىن 3100 يىل ئىلگىرى فىرئەۋىن مىنا (مىنىس) ئۈچۈن ياسالغان بولۇپ، «ئاق شەھەر» دەپ نام قويۇلغان، كېيىن مېمفىس دەپ ئۆزگەرتىلگەن. ئۈچىنچى سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى زوسېر (Djoser ياكى Zoser) زامانىسىدىن باشلاپ قەدىمكى دۆلەتلەرنىڭ (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅩⅦ ئەسىردىن تاكى مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅩⅡ ئەسىرگىچە) پايتەختى بولۇپ كەلگەن. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى دەۋردىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىنى تېبېس ئىگىلىگەن، لېكىن يەنىلا مىسىرنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنى جەھەتتە مەشھۇر شەھىرى سانىلىپ كەلگەن. مىلادى Ⅶ ئەسىردە ۋەيران بولغان. ئارخېئولوگلار مېمفىس شەھىرىدىن ماستابا (قەبرە) قاتارلىقلارنىڭ خارابىسى ۋە پىل چىشى، سۆڭەك پارچىسى، تاش قورال، ساپال قاچىلارنى تاپقان. 

مېموراندۇم ھەرىكىتى

  • مېموراندۇم ھەرىكىتى[يەشمىسى:]ترانسىلۋانىيىدىكى رۇمىنىيىلىكلەرنىڭ مىللىي ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ھەرىكىتى. 1867-يىلى ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ترانسىلۋانىيىدىكى ئەنئەنىۋى ئاپتونومىيىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شۇ جايدىكى رۇمىنىيە خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1881-يىلى ترانسىلۋانىيىدە رۇمىنىيە مىللىي پارتىيىسى قۇرۇلۇپ، ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىگە سۇنىلىدىغان مېموراندۇم تەييارلاش قارار قىلىنغان، ئۇنىڭدا: ترانسىلۋانىيە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، رۇمىنىيىلىكلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى مەمۇرىي ئورگان ۋە سوت مەھكىمىسىدە رۇمىنىيە تىلىنى ئىشلىتىش، رۇمىنىيىلىكلەرنى ئەمەلدارلىققا تەيىنلەش ۋە سايلام ھوقۇقىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغان. 1891-يىلى بۇخارېستتا قۇرۇلغان «پۈتۈن رۇمىنىيىلىكلەرنىڭ مەدەنىيەت بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش جەمئىيىتى» رۇمىنىيە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ترانسىلۋانىيىدىكى رۇمىنىيىلىكلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مېموراندۇم» نى ئېلان قىلغان. 1892-يىلى 3-ئايدا «مېموراندۇم» بېكىتىلگەن. 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا 300 گە يېقىن كىشىدىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى مېموراندۇمنى ۋېنا ئوردىسىغا سۇنغان. «مېموراندۇم» دا ئىككى باشلىقلىق ھاكىمىيەت تۈزۈمىدىكى ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ مىللىي زۇلۇم سىياسىتى پاش قىلىنغان. ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى فرانىس يوسىفⅠ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلىپ، «مېموراندۇم» نى بۇداپىشتقا ئەۋەتىپ بەرگەن. 1894-يىلى ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى مېموراندۇمنى تەييارلىغانلارنى سوراق قىلىپ، جازا ھۆكۈم قىلىپ، مىللىي پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ترانسىلۋانىيە، رۇمىنىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەر ئەيىبكارلارنى قوللىغان. بىر يىلدىن كېيىن، جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان رەھبەرلەر قويۇپ بېرىلگەن. مېموراندۇم ھەرىكىتى ترانسىلۋانىيىنىڭ ئازادلىق كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مېنا

  • مېنا[يەشمىسى:]1) مېنا (Mena). قەدىمكى مىسىردىكى بىرىنچى سۇلالىنىڭ تۇنجى فىرئەۋىنى (پادىشاھى). قەدىمكى مىسىرلىق تارىخشۇناس مانېتو بۇنى مېنېس (Menes) دەپ ئاتىغان، قەدىمكى مىسىرلىق تارىخشۇناس ھېرودۇت بۇنى مىن (Min) دەپ ئاتىغان. ئۇ يۇقىرى مىسىردىكى ئابىدوسىدنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپ مىلادىدىن 3100 يىل ئىلگىرى ئەتراپىدا تۆۋەنكى مىسىرنى بويسۇندۇرۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىكك ەكەلگەن مىسىر دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى سۇلالىگە ئاساس سالغان. ئۇ بەزىدە ئاق تاج (يۇقىرى مىسىر پادىشاھىنىڭ تاجىسى)، بەزىدە قىزىل تاج (تۆۋەن مىسر پادىشاھىنىڭ تاجىسى)، بەزىدە يۇقىرى، تۆۋەن مىسىرنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنىڭ سىمۋولى بولغان ئىككىلا تاجنى تەڭ كېيىپ، «يۇقىرى-تۆۋەن مىسىرنىڭ پادىشاھى» دەپ ئاتالغان. يۇقىرى-تۆۋەن مىسىردا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاق خەزىنە، قىزىل خەزىنە دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى خەزىنە تەسىس قىلىپ، يىغىۋېلىنغان باج-سېلىقىنى بۆلۈپ ساقلىغان. ئۇ يەنە نىل دەرياسى دېلتىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا (ھازىرقى قاھىرە شەھىرى ئەتراپىدا) يېڭى پايتەخت — ئاق شەھەرنى (كېيىنكى مېمفىس) نى بەرپا قىلدۇرغان. لىۋىيىگە يۈرۈش قىلىپ، كۆپلەپ ئولجىغا ئىگە بولغان. ئۇ، ئالاھازەل 60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلغان. يېقىنقى زامان تارىخشۇناسلىرى «نېرمېر تاش پۈتۈكلىرى» (قاھىرە مۇزېيىدا ساقلانغان) دىكى ئىستېلاچى نېرمېر (Nermer) نى ئېھتىمال مىسىر دۆلىتىگە ئاساس سالغان شۇ پادىشاھ بولۇشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن. (2) «مىنا».

مېناندر

  • مېناندر[يەشمىسى:]Menandros، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 342 — 291) قەدىمكى يۇناننىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئۆتكەن كومېدىيە يازغۇچىسى. «يېڭى كومېدىيە» (ئارىستوپان دەۋرىدىكى كومېدىيىگە ئوخشاش بولمىغان) نىڭ ۋەكىللىك خاراكتېردىكى ئەربابى. ئافىنادا تۇغۇلغان، دادىسى دىئۇپىتېس (Diopithes) ھەربىي. ياشلىق دەۋرىدە تاغىسى، كومېدىيە يازغۇچىسى ئالېكىس (Alexis) قا ئەگىشىپ يېزىقچىلىقنى ئۆگەنگەن. پەيلاسوپ ئېپىكورۇس بىلەن تېئوفرا ستوسنى ئۆزىگە دوست تۇتقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا تەخمىنەن يۈز پارچە سەھنە ئەسىرى يازغان، كېيىن رىم يازغۇچىلىرىدىن پىلاتوس، تىرېنتوس ئۆزگەرتىپ يېزىپ چىققان ۋە تارقاتقانلىرىدىن باشقا، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغىنى پەقەت «دۇنياغا نەپرەتلەنگۈچى» («تەرسا» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) ۋە «ھۆكۈم» قاتارلىقلاردىن بىرقانچە پارچىلار بار. ئۇ، ئەسەرلىرىدە ئەپسانىلەردىكى قەھرىمانلار بىلەن ئەينى زاماندىكى زور سىياسىي ۋەقەلەرنى سۇژىت قىلماي، بەلكى ئاساسلىقى جەمئىيەتتىكى موزدۇز، دېھقان، مۇزىكانت قاتارلىق ئاددىي كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى تەسۋىرلىگەن، ئىشقى-مۇھەببەت ھېكايىلىرىنىمۇ سۇژىت قىلغان. ھەر خىل پېرسوناژلارنىڭ روھىي ھالىتىنى سۈرەتلەپ، نەپىس مول يۇمۇرلىققا ئىگە بولۇپ، تىلى جانلىق تىلغا يېقىن بولغان. بىراق تاماشىبىنلارنىڭ دىتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن بەزى جايلىرى قوپالراق بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كېيىنكى مەزگىلدىكى يۇناندا خېلى كەڭ تارقالغان، ئۇنىڭ رېئال سىياسىتىدىن چەتلەش كەيپىياتى — شەھەر دۆلەت تۈزۈمىنىڭ رايىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. رىم كومېدىيىسى، بولۇپمۇ كېيىنكى دەۋردىكى ياۋروپا تۇرمۇش كومېدىيىسىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن. 

مېندېس-فرانسې

  • مېندېس-فرانسې[يەشمىسى:]Pierre Mendes - France، 1907 — 1982) فرانسىيە زۇڭلىسى ۋە قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1954 — 1955). پارىژ داشۆسىنىڭ پولىتىكا شۆيۈەنىنى پۈتتۈرۈپ، ئادۋوكات بولغان. 1932-يىلدىن ئېتىبارەن رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە كېڭەش پالاتاسىغا سايلىنىپ، ئۇزۇن مۇددەتكىچە سىياسىي ساھەدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 1938-يىلدىن باشلاپ قىسقا ۋاقىت خەلق فرونتىنىڭ ئىچكى كابىنېتىدا مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قولغا ئېلىنغان، قېچىپ چىققاندىن كېيىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە پائال قاتناشقان. 1944 — 1945-يىللىرى دېگولل ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى مىنىستىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن، 1954-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ زۇڭلى قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزگىللىرى، 1954-يىلى «جەنۋە كېلىشىمى» گە ئىمزا قويۇپ، فرانسىيىنىڭ ھىندىچىنىغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا خاتىمە بەرگەن. 1956-يىلى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان، لېكىن فرانسىيىنىڭ ئالجىرىيىگە قاراتقان سىياسىتىگە قارشى چىققانلىقتىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1955 — 1957-يىللىرى رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. شۇنىڭدەك ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا قايتا گۈللىنىش-ئېچىش بانكىسىدا ئىشلەپ كەلگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ھۆكۈمرانلىق ۋە تالاش»، «ئىقتىساد ئىلمى ھەرىكەت»، «ھازىرقى زاماندىكى جۇمھۇرىيەت» ۋە «كەلگۈسى ئۈچۈن تەييارلىق» قاتارلىقلار بار. 

مېندېلېيېۋ

  • مېندېلېيېۋ[يەشمىسى:]Дмитрий Иванович Менделеев، 1834 — 1907) روسىيىلىك خىمىك، پېداگوگ. 1855-يىلى پېتېربۇرگ مەركىزىي پىداگوگىكا شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. 1859 — 1861-يىللاردا گېرمانىيىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن پېتروبۇرگ سانائەت شۆيۈەنى ۋە پېتىربۇرگ داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1869-يىلى تەبىئىي پەنلەرنىڭ تۈپ قانۇنى بولغان خىمىيىۋى ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قانۇنىنى تاپقانلارنىڭ بىرى بولغان ھەمدە مۇشۇ ئاساستا تېخى تېپىلمىغان 12 خىل ئېلېمېنتنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن. 1869 — 1871-يىللاردا «خىمىيە قائىدىسى» دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققان. ئانئورگانىك خىمىيىنى دەۋر قانۇنىي كۆزقارىشى بىلەن ھەممىدىن ئاۋۋال سىستېمىلىق بايان قىلغان. 1887-يىلى ئېرىتكۈچى بىلەن ئېرىگۈچى خىمىيىنىڭ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دېگەن ئۇقۇمىغا ئاساسەن، ئېرىتمىنىڭ گىدراتلىشىش نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېقىنقى زامان ئېرىتمە تەلىماتىنىڭ پېشۋاسى بولۇپ قالغان. گاز ۋە سۇيۇق جىسىمنىڭ ھەجمى بىلەن تېمپېراتۇرا ۋە جىسىمنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىپ، 1860-يىلى گازلارنىڭ كرىتىك تېمپېراتۇرىسىنى تاپقان. 1888-يىلى كۆمۈرنى يەر ئاستىدا گازلىتىش ۋە خىمىيىۋى ئۇسۇلدا نېفىت ئايرىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى 400 خىلدىن ئاشىدۇ، بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى «مېندېلېيېۋ ئەسەرلىرى» گە كىرگۈزۈلگەن. 

مېندىزابال

  • مېندىزابال[يەشمىسى:]Juan Alvarcz Mendizabal ، 1790 — 1853) ئىسپانىيە باش ۋەزىرى (1835 — 1836) 1820-يىلى رېگو رەھبەرلىك قىلغان قوزغىلاڭغا قاتناشقان. 1820 — 1823-يىللاردا ئىسپانىيە ئىنقىلابى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئەنگلىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1835-يىلى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى چوڭ كەچۈرۈم قىلىشنى جاكارلىغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. 1834 — 1843-يىللاردا ئىسپانىيە ئىنقىلابىدا باش ۋەزىر بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە تۇنجى ئوغۇل ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى ۋە فېئوداللىق ھوقۇقىنى بىكار قىلىش، چېركاۋنىڭ يەر-مۈلكىنى سېتىش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. ئوردىدىكى خۇشامەتگۇي ۋەزىرلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا خىزمەتتىن چېكىنگەن. 1843-يىلى ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چەت ئەللەردە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1847-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. 

مېنشېۋىك

  • مېنشېۋىك[يەشمىسى:]رۇسچە Меньшевик نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، يەنى ئاز سانلىقلار دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. روسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى ماركسىزم-لېنىنىزمغا دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان مەزھەپ بولۇپ، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىدىكى ئاغمىچىلارنىڭ بىرى. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە مارتوۋ قاتارلىق لېنىننىڭ «ئىسىكرا گېزىتى» تەرەپدارلىرىغا قارشى خىلمۇخىل ئاغمىچىلاردىن شەكىللەنگەن. سايلام جەريانىدا ئاز ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكتىن شۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئۇلار لېنىننىڭ پارتىيە قۇرۇش پرىنسىپىغا قارشى چىقىپ، پارتىيىنى تەشكىلىي جەھەتتە مۇقىم بىر شەكلى بولمىغان نەرسە، دەپ قارىغان. 1905-يىلدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە پرولېتارىياتنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىغا ۋە ئىشچى-دېھقانلار ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇپ، بۇرژۇئازىيە رەھبەرلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. قوراللىق قوزغىلاڭ ۋە ئىشچى-دېھقانلار دېموكراتىك دىكتاتۇرىسىنى قۇرۇشقا قارشى چىققان؛ بۇرژۇئازىيە دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلابقا ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرغان. ستولېپىن ئەكسىيەتچىلىكى مەزگىلىدە (1908 — 1912) لىكۋىداتۇرچىلارغا ئايلىنىپ، پارتىيىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەرغىب قىلغان. 1912-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 6-قۇرۇلتىيىدا مېنشېۋېكلار پارتىيىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئۇلار سوتسىيال شوۋىنىزمغا ئايلىنىپ كېتىپ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى قوللىغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن سوۋېتكە خائىنلىق قىلىش ۋە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى قوللاش سىياسىتىنى قوللانغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىدا پۈتۈنلەي ئەكسىلئىنقىلابچىلاردىن بولۇپ قالغان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئاقلار ئوفىتسېرلىرى ۋە چەت ئەل قوراللىق مۇداخىلىچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، قوراللىق توپىلاڭ قوزغىغان. سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 

مېنشېۋېزم

  • مېنشېۋېزم[يەشمىسى:] روسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى بىر تۈرلۈك ئاغمىچىلىق پىكىر ئېقىمى، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال رېۋىزىئونىزمنىڭ روسىيىدىكى ئۆزگەرگەن بىر خىلى. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مارتوۋ قاتارلىق كىشىلەر ۋەكىللىكىدىكى ئاز سانلىقلار — مېنشېۋېك بارلىققا كەلگەن، ئۇنىڭ ئاغمىچىلىق نۇقتىئىنەزەرى مېنشېۋېزم دەپ ئاتالغان. «مېنشېۋېك» كە قارالسۇن.

مېشىكوۋ

  • مېشىكوۋ[يەشمىسى:]Александр данилович Меншиков، 1673 — 1729) روسىيە مارشالى. مىراقۇلنىڭ ئوغلى. پېتر ئەلچىلەر ئۆمىكى بىلەن غەربىي ياۋروپاغا زىيارەتكە چىققان. 1703-يىلى ئىنگېرمانلاندىيە ( Иигерманландия ، كېيىنكى چاغلاردىكى پېتېربۇرگ ئۆلكىسى) نىڭ تۇنجى باشلىقى بولغان. شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە روسىيە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، كالېس دېگەن جايدا شۋېتسىيە ئارمىيىسىنى يوقاتقان؛ پولتاۋا جېڭىدە ئارمىيىنى باشلاپ شۋېتسىيە ئارمىيىسىنىڭ سول قانىتىنى تارمار كەلتۈرگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ قالدۇق ئارمىيىسىنى پېرېۋولوچنا ئەتراپىدا تەسلىم قىلدۇرغان. ئىككى نۆۋەت قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى (1718— 1724، 1726 — 1727-يىللىرىغىچە) بولغان. يېكاتىرىنا Ⅰ زامانىسىدا ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋەرگەن. پېتېرⅡ زامانىسىغا كەلگەندە نەزەردىن چۈشۈپ قالغان. 1727-يىلى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنغان. سىبىرىيىدە ئۆلگەن.

مېنكاۋرې

  • مېنكاۋرې[يەشمىسى:]Menkaure ) قەدىمكى گرېكلار مىيكېرى (Mykerinos)دەپ ئاتىغان. قەدىمكى مىسىرنىڭ تۆتىنچى سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋىنى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 2532 — 2504). كۇفۇنىڭ ئوغلى. تەختتىكى مەزگىللىرى چوڭ ئېھرام ياساتقۇزغان، بۇ ئېھرامنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 66 مېتر بولۇپ، ئاستىنىڭ ھەربىر تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 180 مېتر كېلىدۇ، ھازىرغىچە قاھىرەنىڭ يېنىدىكى جىزا دېگەن جايدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا (ئۈچ چوڭ ئېھرامنىڭ ئەڭ كىچىكى ھېسابلىنىدۇ).

مېنون

  • مېنون[يەشمىسى:]Vengalil Krishnan Krrishna Menon، 1897 — 1974) ھىندىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھىندىستاندىكى مادراس داشۆسىدە، ئەنگلىيىدىكى لوندون ئىقتىسادىي شۆيۈەنى ۋە لوندون داشۆسىدە ئوقۇغان. 1934-يىلى ئادۋوكات سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان. 1929 — 1947-يىللىرى لوندوندا ھىندىستان ئىتتىپاقىنىڭ كاتىپى بولۇپ، ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرۈشىگە قاتناشقان. 30-يىللاردىن باشلاپ ئىزچىل تۈردە ج. نېھرۇغا ئەگەشكەن. 1946-يىلى نېھرۇ ھىندىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغاندا، ئۇنى «خۇسۇسىي ۋەكىل» قىلىۋالغان. 1947 — 1952-يىللىرى ھىندىستاننىڭ ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى بولغان. 1953-يىلى ھىندىستان قوشما شتاتلار پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1953 — 1962-يىللىرى ب د ت دىكى ھىندىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولغان، خەلقئارا يىغىندا، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىتەرەپلىكنى تەشەببۇس قىلغان. 1957— يىلى ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرى بولغان. 1962-يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن.

مېنۇس

  • مېنۇس[يەشمىسى:] يەنى «مېنا» (1)

مېنېلائوس

  • مېنېلائوس[يەشمىسى:]Menelaos ياكى Menelaus قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى سپارتانىڭ پادىشاھى. مېكىناي پادىشاھى ئاترېئۇس ( Atreus) نىڭ ئوغلى، ئاگامېمنون(Agamemnon) نىڭ ئۇكىسى. رىۋايەت قىلىنىشىچە ئاتىسى ئۆلتۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن، ئاغا-ئىنى ئىككىسى چېگرىدىن قوغلىنىپ سپارتاغا كەپتۇ. كېيىن ئۇ، سپارتالىق گۈزەل مەلىكە — ھېلېن بىلەن توي قىلىپ، ھېرمىئونې (Hermione) دېگەن قىزغا ئاتا بولۇپتۇ ھەمدە سپارتانىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىپتۇ. كېيىن ھېلېننى ترويا (كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان) شاھزادىسى پارس ئېلىپ قېچىپتۇ، ئاگامېمنون (ئاللىبۇرۇن مېكىنايغا قايتىپ كېلىپ پادىشاھ بولغان) يۇنان بىرلەشمە ئارمىيىسىنى باشلاپ، تروياغا قاراپ ئاتلىنىپتۇ؛ ئېيتىلىشىچە ئۇنىڭ ئۆزىمۇ قوشۇندىكى باتۇر ئەزىمەت بولۇپ، كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەنىكەن (گومېرنىڭ داستانى «ئىلىيادا» غا قاراڭ). ئەڭ ئاخىرى «ياغاچ ئات ھىيلىسى» نى ئىشقا سېلىپ، ترويا شەھىرىنى ئېلىپتۇ، ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ھېلىن بىلەن سپارتاغا قايتىپ كېلىپ داۋاملىق پادىشاھلىق قىلىپتۇ.

مېنېلىكⅡ

  • مېنېلىكⅡ[يەشمىسى:]MenelikⅡ، 1844 — 1913) ئېفىئوپىيىنىڭ ئىمپېراتورى (1889 — 1913)، ئوتتۇرا قىسىمدىكى شوئا دۆلىتىنىڭ شاھزادىسى. 1855-يىلى تېئودور Ⅱ تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. 1865-يىلدىن باشلاپ شوئا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى بولغان. 1878-يىلى يوھاننېس Ⅳ قا بېقىنغان. 1889-يىلى يوھاننېس Ⅳ نىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولغان. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە قورال كۈچى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن ھاكىمىيەتنى كۈچەيتكەن؛ ياۋروپا قوراللىرىنى سېتىۋېلىپ ئارمىيىنى كۈچەيتكەن؛ بىرقاتار قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇپ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغان. 1889-يىلى ئىتالىيە بىلەن «ۋۇچالى شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. 1895-يىلى ئىتالىيە ئارمىيىسى تاجاۋۇز قىلغان. 1896-يىلى ئادوۋا جېڭىدە ئىتالىيە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، ئىتالىيىنى «ئەددىس-ئەبېبە شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ ئېفىئوپىيىنىڭ تولۇق مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان.

مېنتانا جېڭى

  • مېنتانا جېڭى[يەشمىسى:] 1867-يىلى 11-ئايدا گارىبالدى باشچىلىقىدىكى پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ فرانسىيە ئارمىيىسى ۋە پاپا ياللانما قوشۇنى بىلەن قىلغان بىر قېتىملىق جېڭى. 1866-يىلى ئىتالىيە ۋېنېتسىيىنى قايتۇرۇۋالغان، مەملىكەت ئىچىدىكى خەلق رىمنى قايتۇرۇۋېلىپ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان. 1867-يىلى 9-ئايدا گارىبالدى ۋەتەنپەرۋەر پىدائىيلار قوشۇنىنى قايتا تەشكىللەپ، رىمغا ھۇجۇم قىلىشقا پائال تەييارلىق قىلغان. ئىتالىيە ھۆكۈمىتى فرانسىيىنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى ئارقىسىدا، گارىبالدىنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغان، 10-ئايدا گارىبالدى تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ، نەچچە مىڭلىغان پىدائىيلارنى باشلاپ رىمغا ھۇجۇم قىلغان ۋە دەسلەپكى جەڭدە غەلىبە قىلغان. ئەمما لوئى بوناپارت فرانسىيە ئارمىيىسىنى ئەۋەتكەن پاپاغا ياردەم بەرگەنلىكتىن، 11-ئاينىڭ 3-كۈنى پىدائىيلار قوشۇنى مېنتانا (Mentana، رىمنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى يېزا) دىكى جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ، ئېغىر چىقىم تارتقان.گارىبالدى قالدۇق قوشۇننى باشلاپ پاپا دۆلىتىنىڭ چېگرىسىدىن چېكىنىپ چىقىۋاتقاندا، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىپ، يەنە تۈرمىگە تاشلانغان.

مېنىڭ كۈرەشلىرىم

  • مېنىڭ كۈرەشلىرىم[يەشمىسى:] كىتاب نامى. گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ كاتتىبېشى گىتلېر يازغان. 1924-يىلى باۋارىيىنىڭ لاندىسبۇرگ كونا قەلئەسىدىكى تۈرمىدە گىتلېر سۆزلەپ بەرگەن، ھېس (Rudolf Hess، 1894-يىلى تۇغۇلغان) قاتارلىق كىشىلەر خاتىرىلەپ رەتلىگەن. 1926-يىلى نەشىر قىلىنغان. كىتاب ئىككى توم، 27 بابقا بۆلۈنگەن. تەرجىمىھال خاراكتېرىدىكى باب-پاراگرافلىرىدىن باشقا، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، ئەدەبىيات-سەنئەت قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ توختالغان. ئەكسىيەتچىل شوۋىنىزم، قىساسچىلىق ، ئىرقچىلىق تەرغىپ قىلىنغان، «مىللىي گۈللەندۈرۈش»، «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى» بويۇنتۇرۇقىنى چېقىپ تاشلاپ، «ھاياتلىق ماكان» نى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت شوئارلار ئارقىلىق گېرمانىيىنى فاشىستىك دىكتاتۇرا ۋە سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىش يولىغا قاراپ مېڭىشقا قۇتراتقان. ئاۋسترىيىنى يۇتۇۋېلىش، سوۋېت ئىتتىپاقىنى «ياۋروپا دۆلەتلىرى تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىش»، «چىقىشىپ بولمايدىغان ئەشەددىي دۈشمەن» — فرانسىيىدىن ھېساب ئېلىش، گېرمانىيە «يەر شارىنىڭ خوجايىنى» بولۇش قاتارلىق زومىگەرلىك ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گېرمانىيىنىڭ كەلگۈسىدىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. كىتاب تولىمۇ ئۇزۇن، چۇۋالچاق بولۇپ، فاشىستلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ئەسەر (بۇنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى بار) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مېھنەتكەش ئىشچىلار ئىتتىپاقى

  • مېھنەتكەش ئىشچىلار ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] مېھنەتكەشلەر ئىتتىپاقى ياكى نامرات ئىشچىلار ئىتتىپاقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فىلىپپىن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى رەھبەرلىك قىلغان ئىلغار ئىشچىلار تەشكىلاتى. 1932-يىلى فىلىپپىن كومپارتىيىسى يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىشقا ئۆتكەندىن كېيىن، سانتوس (Abad Santos،1876 — 1944) باشچىلىقىدىكى ماركسىزمچىلار ئىككىنچى يىلى فىلىپپىن سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان، ئىتتىپاق بۇ پارتىيىنىڭ كۈرەش قىلىشىدىكى تۈۋرۈكىگە ئايلانغان. ئىتتىپاق 1937-يىلنىڭ ئاخىرى ۋە 1938-يىلنىڭ باشلىرى باڭبايا ئۆلكىسىنىڭ ئارايات رايونىدىكى تاش قازغۇچى ئىشچىلار بىلەن شېكەر ئىشلەپ چىقارغۇچى ئىشچىلارنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان ۋە ئۇنى تەشكىللىگەن. 1938-يىلنىڭ ئاخىرى ئەزالىرى كۆپىيىپ 70 مىڭ كىشىگە يەتكەن ھەمدە مەملىكەتلىك دېھقانلار ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىش كومىتېتى قۇرغان. شۇ يىلى 10-ئايدا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى كومپارتىيە بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن، ئىتتىپاق كومپارتىيىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدىكى سول قانات ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.

مېئېرۇت سود دېلوسى

  • مېئېرۇت سود دېلوسى[يەشمىسى:] ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ھىندىستان ئىشچىلار ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىققان سۇيىقەستلىك دېلو. 1929-يىلى 3-ئايدا، بومباي قىزىل بايراق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قوزغىغان ئىش تاشلاش ئەنگلىيە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەرھال باستۇرۇلغان. 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن جەمئىي 31 نەپەر كىشى قولغا ئېلىنغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 14 نەپىرى كوممۇنىست ئىدى. ئۇلار دېھلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مېئېرۇت (Meerut) قەلئەسىگە يالاپ بېرىلىپ تۈرمىگە سولانغان ۋە سوراق قىلىنغان. ئۇلارغا «كورۇلىۋا ئالىيلىرىغا قارشى تۇرۇش سۇيىقەستىدە بولغان»، «ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرماقچى بولغان»، «ئەنگلىيە كورۇلىنىڭ ھىندىستاندىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى بىكار قىلماقچى بولغان» دېگەندەك بەدناملار چاپلانغان. سوراق جەريانىدا كوممۇنىستلار ئۆزىنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ جىنايەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان. پۈتۈن ھىندىستاندا ۋە ھەرقايسى چوڭ مەركىزىي سانائەت شەھەرلىرىدە مېئېرۇت «مەھبۇس» لىرىنى ئاقلاش كومىتېتلىرى قۇرۇپ، سوراققا تارتىلغۇچىلارغا ياردەم بەرگەن. ئۈچ يېرىم يىلغا سوزۇلغان سوراق جەريانىدا، ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نارازىلىق يىغىنلىرى ۋە نامايىشلىرى قايتا-قايتا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە خەلئارادا ئەكس تەسىر قوزغىغان. 1933-يىلى 1-ئايدا، سوت قىلىنغۇچىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ۋە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمما خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن، جازا مۇددىتى ئومۇميۈزلۈك قىسقارتىلغان.

مېخاساندا

  • مېخاساندا[يەشمىسى:] قەندىھار دۆلىتىدىكى بۇددا دىنى ئىبادەتخانىسىنىڭ خارابىسى. پاكىستاندىكى پېشاۋارنىڭ شەرقىگە 65 كىلومېتر كېلىدىغان سابازگى رايونىدىكى مېخاساندا (Mekhasanda) تېغىدا. ⅪⅩ ئەسىردە تەكشۈرۈلگەن، 1963-يىلى ئېچىلغان. ئىبادەتخانا تاغ قاپتىلىدىكى تۈزلەڭلىككە سېلىنغان بولۇپ، مۇنار، ئىبادەتخانا، راھىبلار ئۆيى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. مۇنار ئىككى قەۋەت تۆت چاسا ئۇلغا قۇرۇلغان چوڭ مۇنارنى مەركەز قىلغان، ئەتراپى ئىبادەتخانا بىلەن ئورالغان. كىچىك مۇنارلارنىڭ تولىسى چوڭ مۇنارنىڭ كەينىدە، مۇنارنىڭ ئالدىدىكى پەلەمپەيدىمۇ ئىبادەتخانا بار. راھىبلار ئۆيلىرى 3 — 4 ئېغىزلىق ئايرىم-ئايرىم ئۆيلەردىن تەركىب تاپقان، بۇ ئۆيلەر راھىبلارنىڭ پائالىيەت قىلىدىغان ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ئۆتكۈزىدىغان جايى ئىدى. قەندىھار ئىبادەتخانىسىنىڭ تىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەردىن ساپال قاچىلار، گەجدىن ئىشلەنگەن ھەيكەللەر، ياپىلاق تاشتىن ئىشلەنگەن نەقىش قاتارلىقلار تېپىلغان. دەۋرى تەخمىنەن مىلادى Ⅲ — Ⅴ ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ.

مېنېكې

  • مېنېكې[يەشمىسى:] Friedrich Meinecke، 1862 — 1954) گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس. بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بونن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا تارىخ تەتقىق قىلغان. 1887— 1910-يىللىرى بېرلىن دۆلەتلىك ھۈججەتلەر سارىيىدا ئىشلىگەن، مۇشۇ مەزگىلدە ترېسچىك (Tretschke) تىن كېيىن «تارىخشۇناسلىق ژۇرنىلى» نىڭ باش تەھرىرى بولغان. 1901-يىلدىن باشلاپ ستراسبۇرگ، فرېئىبۇرگ ۋە بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا پروفېسسور بولغان. تارىخ تەتقىقاتىدا رانكې (Ranke)دىن ترېسپىككىچە بولغان ئەنئەنىچى نېمىس تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1907-يىلى «دۇنيا پۇقراچىلىقى ۋە مىللىي دۆلەت» نى ئېلان قىلغان، كېيىن يەنە «يېقىنقى زامان تارىخىدىكى دۆلەت توغرىسىدىكى ئەقلىي ئۇقۇم»نى ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە تارىخ ساھەسىگە خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ناتسىستلار ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. 1932-يىلى بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1935-يىلى يەنە «تارىخشۇناسلىق ژۇرنىلى» نىڭ تەھرىرلىكىدىن ئىستېپا بېرىپ، مەخسۇس تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، «تارىخچىلىقنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى» نى يېزىپ چىققان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەسلىدىكى ۋەزىپىلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە ئەركىن بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇنجى مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن: يەنە «ⅪⅩ ۋە ⅩⅩ ئەسىرلەردىكى پرۇسسىيە ۋە گېرمانىيە»، «تارىخنىڭ سەۋەب-نەتىجىسى ۋە قىممىتى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

مېيجى ئاساسىي قانۇنى

  • مېيجى ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:] يەنى «بۈيۈك ياپونىيە ئىمپېرىيىسى ئاساسىي قانۇنى».

مېيجى تېننو

  • مېيجى تېننو[يەشمىسى:]1852 — 1912) ياپونىيە تېننوسى (1867 — 1912). ئىسمى موتسۇخىتۇ. تېننو تاكائاكىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى. 1860-يىلى ۋەلىئەھد بولغان. 1867-يىلى 2-ئايدا تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە، يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن. مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، 1868-يىلى 4-ئايدا «بەش ماددىلىق قەسەمنامە» ئېلان قىلغان، 10-ئايدا يىلنامىنى مېيجىغا ئۆزگەرتكەن. كېيىن بىرقاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. 1882-يىلى «ھەربىيلەرگە خان يارلىقى» نى ئېلان قىلغان. 1889-يىلى «ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنى» نى ئېلان قىلىپ، مۇتلەق مۇستەبىتلىك تېننو تۈزۈمىنى ئورناتقان؛ 1894-يىلى جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى ۋە 1904-يىلى ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىنى قوزغاپ، جۇڭگونىڭ تەيۋەن ئۆلكىسى (1895) نى تارتىۋالغان ۋە چاۋشيەننى ئومۇميۈزلۈك يۇتۇۋالغان (1910)، شۇ ئارقىلىق ياپونىيىدە كاپىتالىزمنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنى تەدرىجىي مىلىتارىزملىق ۋە جاھانگىرلىك يولىغا باشلىغان.

مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى ⅪⅩ

  • مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى ⅪⅩ[يەشمىسى:] ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ياپونىيە فېئوداللىق جەمئىيەتتىن كاپىتالىستىك جەمئىيەتكە قەدەم قويغان بۇرژۇئا ئىسلاھات ھەرىكىتى. تېننو مېيجى (موتسۇخىتۇ) تەختتە ئولتۇرغان چاغدا يۈز بەرگەچكە، شۇنداق دەپ ئاتالغان.ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ياپونىيىدە دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە شەھەر خەلقى قوزغىلىڭى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ، فېئودال ھۆكۈمرانلىقتا كرىزىس مەيدانغا كەلگەن. 1853-يىلى ئامېرىكا فلوتى ياپونىيىگە كېلىپ، ئىككىنچى يىلى تۇكۇگاۋا شوگناتىنى پورتلارنى ئېچىپ بېرىش شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان، ئەنگلىيە، روسىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ قائىدە بويىچە، ياپونىيە بىلەن ئارقا-ئارقىدىن شۇنداق شەرتنامىلەرنى ئىمزالىغان، شوگناتنىڭ ئىناۋىتى تېخىمۇ چۈشۈپ كەتكەن. ساتسۇما، ناگاسۇ، توسا، خىزېن قاتارلىق ۋاسساللىقلاردىكى تۆۋەن دەرىجىلىك سامورايلار پادىشاھنى ئىززەتلەپ ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان. ساتسۇما، ناگاسۇدىن ئىبارەت ئىككى ۋاسساللىق 1863-، 1864-يىللىرى ئارقا-ئارقىدىن چەت ئەل بىلەن ئۇرۇش قىلغاندىن كېيىن، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش شوئارىنى شوگناتنى ئاغدۇرۇشقا ئۆزگەرتكەن. 1866-يىلى 2-ئايدا ساتسۇما ۋاسساللىقى بىلەن ناگاسۇ ۋاسساللىقى شوگناتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئىتتىپاقىنى تۈزگەن. 1867-يىلى 11-ئايدا تېننو مۇتسۇخىتۇ شوگناتقا جازا يۈرۈشى قىلىش ھەققىدە مەخپىي يارلىق چۈشۈرگەن. سىياگون تۇكۇگاۋا ئېسنوبو يالغاندىن ھاكىمىيەتنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى تەلەپ قىلغان، نەتىجىدە تەلەپ تەستىقلانغان. 1868-يىلى 1-ئايدا تېننو مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، شوگناتلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش توغرىسىدا يارلىق ئېلان قىلغان. شوگنات تەرەپدارلىرى ئارمىيىسى كيوتوغا ھۇجۇم قىلغان. توبا ۋە فوشىمى جېڭىدە شوگناتنى ئاغدۇرغۇچى ۋاسساللارنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى شوگنات ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 4-ئايدا تېننو «بەش ماددىلىق قەسەمنامە» نى ئېلان قىلغان، 5-ئايدا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئېدو (9-ئايدا توكيوغا ئۆزگەرتىلگەن) غا كىرگەن. 10-ئاينىڭ 23-كۈنى يىلنامىنى مېيجىغا ئۆزگەرتكەن. 1869-يىلى 6-ئايدا خوككايدو ئارىلىدىكى گوريوكاكۇ جېڭىدىن كېيىن، شوگناتنىڭ قالدۇق كۈچلىرى تەسلىم بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت تىنچىتىلغان. 7-ئايدا ھەرقايسى ۋاسساللارنىڭ زېمىن بىلەن ئاھالىنى قايتۇرۇپ بېرىشىگە ئىجازەت بېرىلگەن. 1871-يىلى ۋاسسال بىكار قىلىنىپ ناھىيە قۇرۇلۇپ، فېئودال خوجىلىق تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىلگەن. 1872-يىلى يەرلەرنى ئېلىپ-سېتىشقا يول قويۇپ، يەر خېتى تارقىتىپ، پومېشچىكلار سىنىپىنى قانۇنىي ئورۇنغا ئىگە قىلغان. 1873-يىلى يەر بېجى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ، ئىپتىدائىي جۇغلانما جۇغلاش زورلۇق بىلەن يولغا قويۇلغان. 1874-يىلدىن كېيىن ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ ئەۋج ئالغان. لېكىن كۆپ قېتىم باستۇرۇلغان. شۇ يىلى ئەسكەر ئەۋەتىپ جۇڭگونىڭ تەيۋەن ئارىلىغا ھۇجۇم قىلغان، ئىككىنچى يىلى چاۋشيەندە كانخۇا ئارىلى ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان. 1877-يىلى كاگوسىما ئارىلىدىكى سامورايلار توپىلىڭىنى تىنچىتقان. 1881-يىلى ھۆكۈمەت باشقۇرغان كارخانىلارنى ئىمتىيازلىق سودىگەرلەرگە ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىپ، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بەرگەن. 1885-يىلى ئىننو خىروبۇمى باشچىلىقىدا ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلغان. 1889-يىلى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىپ، يېقىنقى زامان تېننو تۈزۈمىنى ئورناتقان. ياپونىيە «دۆلەتنى بېيىتىش، ئارمىيىنى كۈچەيتىش، مەھسۇلاتنى كۆپەيتىپ ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرۈش» شوئارى ئاستىدا كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان، لېكىن ئۇ كۈچلۈك فېئودللىق خاراكتېر ۋە تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولغان. 1871-يىلدىن باشلاپ شەرتنامە تۈزۈشكەن ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تەڭسىز شەرتنامىنىڭ ماددىلىرىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم تەلەپ قويغان بولسىمۇ، ئۈنۈمى ئانچە چوڭ بولمىغان. ئىسلاھاتنىڭ خاراكتېرى توغرىسىدا، ئۈزۈل-كېسىل بولمىغان بۇرژۇئا ئىنقىلابى دېگۈچىلەرمۇ بار.

مېينۇڭ بۇداجى (مىنوتونوتاتسۇكىچى)

  • مېينۇڭ بۇداجى (مىنوتونوتاتسۇكىچى)[يەشمىسى:]1873 — 1948) ياپونىيىلىك ئاساسىي قانۇنشۇناس، قانۇن ئىلمىي دوكتورى. توكيو ئىمپېرىيە داشۆسىدە قانۇن ئىلمىنى پۈتتۈرگەن. 1899-يىلى ياۋروپاغا بېرىپ ئوقۇغان، 1902-يىلى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ئانا مەكتىپىدە پروفېسسور بولغان. 1907-يىلى ئىمپېرىيە باكالاۋر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا كۆتۈرۈلگەن. 1932-يىلى ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا پەرمان بىلەن سايلانغان. «تېننو ئورگىنى تەلىماتى» نى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار كابىنېتى تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، ھەربىي ئورۇنلار ۋە ئوڭ قاناتنىڭ ھۇجۇم قىلىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان ھەمدە «ھۈرمەتسىزلىك گۇناھى» بىلەن ئەيىبلەنگەن. 1935-يىلى ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىدىن چېكىنىپ چىققان. 1936-يىلى ئوڭ قانات ئۇنسۇرلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمى بىلەن يارىلانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1946 — 1947-يىللىرى زوراغاللىق مەھكىمىسىدە مەسلىھەتچى ئەمەلدار بولغان. ئاساسىي قانۇن ۋە مەمۇرىي قانۇن توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرى بار. ئاساسلىقلىرى: «ياپونىيە دۆلىتىنىڭ قانۇن ئىلمىي»، «ياپونىيە مەمۇرىي قانۇنى»، «ئاساسىي قانۇن نۇقتىلىرى»، «مەمۇرىي قانۇن نۇقتىلىرى»، « ئاساسىي قانۇن ماددىلىرى شەرھى»، «ياپونىيە دۆلىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەققىدە» قاتارلىقلار.

مېيېر

  • مېيېر[يەشمىسى:]Eduard Meyer، 1855 — 1930) گېرمانىيىلىك بۇرژۇئا تارىخشۇناس. ھامبۇرگدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا قەدىمكى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا ئىرادە باغلاپ، دەسلەپتە بونن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. كېيىن لېيپسېگ ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ، مەخسۇس شەرق تىلىنى ئۆگەنگەن. 1879-يىلى لېيپسېگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، برېسلاۋل، بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا قەدىمكى زامان تارىخى پروفېسسورى بولغان. ئوكسفورد، سان-ئاندرۇس، فرېئىبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ پەخرىي ئۇنۋانلىرىغا ئىگە بولغان. ئۇ تارىخ قارىشى جەھەتتە يېڭى كانتىزملىقنى ئاساس قىلىپ، تارىخنىڭ قانۇنىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، تارىخ ئايرىم شەخسلەرنىڭ «ئەركىن ئىرادىسى» بىلەن تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ بىرلىشىشىنىڭ نەتىجىسى، دەپ ھېسابلىغان. تارىخچىلىققا خىلاپلىق قىلىپ، «تارىخ دەۋرىيلىكى نەزەرىيىسى» نى تەرغىپ قىلىپ، قەدىمكى زامان تارىخىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ، قەدىمكى ۋە يېقىنقى زاماننىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، قەدىمكى زامان (يۇنان، رىم) نىڭ تارىخ تەرەققىياتىدىمۇ فېئودالىزم ۋە كاپىتالىزم دەۋرلىرى بولغان، يېقىنقى زامان جەمئىيىتىمۇ زۆرۈر بولغان ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، خارابلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن قەدىمكى زاماندىكى ھەرقايسى دەۋرلەرگە قايتىپ، دەۋرىيلىكنى شەكىللەندۈرىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ ئارقىلىق جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلەش جەريانىنى ئىنكار قىلغان. «قەدىمكى زامان تارىخى»، «قەدىمكى مىسىر تارىخى»، «قەدىمكى زامان ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى»، «يەھۇدىي دىنىنىڭ مەيدانغا كېلىشى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

مېيېرخوف

  • مېيېرخوف[يەشمىسى:]Otto Meyerhof، 1884 — 1951) گېرمانىيىلىك بىئو خىمىك. ئامېرىكىنىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئەسلىدە تىبابەتچىلىكنى ئۆگەنگەن، ياش ۋاقتىدا بىئولوگىيىلىك ئېنېرگىيە ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ، مۇسكۇلنىڭ قىسقىرىش جەريانىدىكى گلۇكوگېن بىلەن لاكتات كىسلاتاسىنىڭ دەۋرىيلىك ئۆزگىرىشى ۋە ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن قەنت فېرمېنتى پارچىلىنىشىنىڭ ئاساسىي جەريانى ۋە بىرمۇنچە فېرمېنتلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشەندۈرگەن. ئېنېرگىيىنىڭ باغلىنىشى ئىدىيىسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە بىئولوگىيىلىك ئېنېرگىيىنىڭ يۆتكىلىشى بىلەن فوسفورنىڭ كىسلاتالىشىش رولى ئوتتۇرىسىدىكى زىچ باغلىنىشنى ئىسپاتلىغان. ئۇنىڭ تەتقىقاتى يېقىنقى زامان بىئو خىمىيىسىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. 1922-يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى سەھىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1921 — 1938-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن كىل ۋە ھېيدېلبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا پروفېسسور بولغان، ئارىلىقتا ۋېلھېلم پادىشاھلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى بىئولوگىيە تەتقىقات ئورنىدا ئىشلىگەن. 1938-يىلى ناتسىست دائىرىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، فرانسىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1940-يىلى فىلادېلفىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

مىئائۇلىس

  • مىئائۇلىس[يەشمىسى:]Andreas Miaoulis، 1769 — 1835) گرېتسىيە دېڭىز ئارمىيە قوماندانى. 1821 — 1829-يىللىرىدىكى گرېتسىيە مۇستەقىللىك ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 1821-يىلى دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، تۈركىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان؛ 1825-يىلى 8— 9-ئايلاردا تۈركلەرنىڭ ساموس ئارىلىغا قىلغان ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن؛ 1825 — 1826-يىللىرى قامال ئىچىدە قالغان مىسولونگىئونغا كۆپ قېتىم تەمىنات يەتكۈزۈپ بەرگەن. كېيىن كاپودىستىرىيىگە قارشى ئۆكتىچىلەردىن بولۇپ قالغان. 1834-يىلدىن باشلاپ دېڭىز ئارمىيە ۋىسسىي ئادمىرالى بولغان.

مىيتاكا ۋەقەسى

  • مىيتاكا ۋەقەسى[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىنىڭ غەربىدىكى مىتاكا بېكىتىدە يۈز بەرگەن تراللىبۇسنىڭ رېلىستىن چىقىپ ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىك ۋەقەسى. 1949-يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە، توكيو شەھىرىدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تراللىبۇس مىتاكا بېكىتىدە، شوپۇرى يوق يەتتە تراللىبۇس ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىپ يولغا چىققان، ئالدىنقى ئۈچ تراللىبۇس رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە ئۈسۈپ كىرىپ، ئون كىشى ئۆلۈپ، يەتتە كىشى ئېغىر، يەتتە كىشى يېنىك يارىلانغان. باش ۋەزىر يوشىداشگىرو ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن سۆھبەت بايان قىلىپ، «ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇتراتقۇلۇق قىلىپ جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزدى» دەپ ئەيىبلىگەن. تەپتىش دائىرىلىرى بۇ دېلونى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تۆمۈريول ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ خادىملارنى قىسقارتىشىغا قارشى كۈرەشتە قوللانغان ھەرىكىتى دەپ قاراپ، مەزكۇر بېكەتتىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئون نەپەر ئەزاسى (بۇنىڭ ئىچىدە ياپونىيە كومپارتىيە ئەزالىرى بار) ئۈستىدە ئەرز قىلغان. توكيو يەرلىك ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى 1950-يىل 8-ئاينىڭ 11-كۈنى كېسىم چىقىرىپ، بۇ دېلونى تاكىئۇسى كاگېسۇكې (تراللىبۇس رايونىدىكى تەكشۈرۈش خادىمى، كومپارتىيە ئەزاسى ئەمەس) ئۆزى تۇغدۇردى دەپ ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن. قالغان توققۇز كىشى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن. توكيو يۇقىرى ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى 1951-يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنى تاكىئۇسى كاكېسوكېغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان. 1955-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئالىي ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى يەنىلا ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان. ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇ توكيو تۈرمىسىدە كېسەل بىلەن ئۆلگەن.

مېتال قوراللار بىلەن تاش قوراللار بىرلىكتە ئىشلىتىلگەن دەۋر

  • مېتال قوراللار بىلەن تاش قوراللار بىرلىكتە ئىشلىتىلگەن دەۋر[يەشمىسى:] يەنى «قىزىل مىس دەۋرى».

مىتان

  • مىتان[يەشمىسى:] مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅦ ئەسىرلەردە مىتاننىلار (Mitanni، خوررىتلارغا تەۋە) تەرىپىدىن قۇرۇلغان. پايتەختى ۋاشۇگاننې (Vashuganni، ھازىرقى زاس ئىل-ئېن). مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرىⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۆلەت قۇدرەت تېپىپ، پادىشاھ شاۋشاتار(Shaushatar) شىمالىي سۈرىيە ۋە ئاسسۇرىيە (مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى) رايونىنى بويسۇندۇرغان ۋە تىزگىنلەپ كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرى زەئىپلەشكەن. خېتىت پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۇپپىلوئوما (Suppiluiumas، مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅣ ئەسىر) ئىچكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، مىتاننى مەغلۇپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى بېسىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاسىرىيىمۇ بىر قىسىم زېمىنىنى تارتىۋالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاسۇرىيە پادىشاھى سالماناسار Ⅰ تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، ئۇنىڭ زېمىنى ئاسسۇرىيىگە قوشۇۋېلىنغان.

مىترا

  • مىترا[يەشمىسى:]1) (Mitra). قەدىمكى ھىندىستاندىكى تەڭرى ئىسمى. ئارىيانلارنىڭ دەسلەپكى ۋېدا دەۋرىدىكى تەڭرىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ قۇياش تەڭرىسى قاتارلىقلارنىڭ تەڭرى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، كۈن-تۈننى باشقۇرغان. ۋارۇنا (Varuna) بىلەن بىر جۈپ تەڭرى. (2) دىناباندومىترا( Dina Bandhu Mitra، 1829 — 1873) ھىندىستانلىق يازغۇچى ۋە دراماتورگ. بېنگال يېزىقىدا ئەسەر يازغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرلىك سەھنە ئەسىرى «يېشىل ئەينەك» (1860-يىل) بولۇپ، ئۇنىڭدا ھىندىستان دېھقانلىرىنىڭ ئاچكۆز-ياۋۇز ئىنگلىز قورۇق ئىگىلىرىگە بولغان قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىنى تەسۋىرلىگەن. لاكنائۇدا قويۇلۇپ، ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى كۈرىشىگە ئىلھام بەرگەن.

مىتسۇبىشى مالىيە زومىگىرى

  • مىتسۇبىشى مالىيە زومىگىرى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، ياپونىيىدىكى تۆت چوڭ مالىيە زومىگىرىنىڭ بىرى. لىۋاگا ساكى ياتارو (1834 — 1885) تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. ئەسلى توسا ۋاسساللىقىدىكى مۆتىۋەر ئىدى. مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈشىدىن كېيىن دېڭىز قاتناش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان، 1873-يىلى مىتسۇبىشى سودا كامپانىيىسى دەپ ئاتالغان، 1875-يىلى مىتسۇبىشى پاراخوت شىركىتى (كېيىن مىتسۇبىشى پوچتا پاراخوتلىرى شىركىتى دەپ ئاتىغان) دەپ ئۆزگەرتىلگەن، 1885-يىلى مىتسۇبىشى شىركىتى ئورتاق ترانسپورت شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، ياپونىيە پوچتا پاراخوتلىرى شىركىتى قۇرغان. لىۋاگاساكى ياتادو ئۆلگەندىن كېيىن، يەنى 1886-يىلى ئۇنىڭ ئىنىسى يانوسۇكى باش شىركەت مىتسۇبىشى كامپانىيىسىنى قۇرغان، 1893-يىلى بۇ جەمئىيەت كانچىلىق، كېمىسازلىق، بانكا قاتارلىق كۆپ خىل ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىتسۇبىشى شېرىكچىلىك شىركىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1937-يىلى يەنە ھەسسىدارلىق شىركىتى — مىتسۇبىشى جەمئىيىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن، 1943-يىلى مىتسۇبىشىجەمئىيىتى مەركىزىي مىتسۇبىشى كامپانىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، مىتسۇبىشى كامپانىيىسىنىڭ 11 بىۋاسىتە شىركىتى بولغاندىن باشقا يەنە مۇناسىۋەت شىركىتى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ كاپىتالى جەمئىي 3 مىليارد يېن بولۇپ، ياپونىيە بويىچە مىئىدىن قالسا، ئىككىنچى چوڭ مالىيە زومىگىرى ئىدى. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، مىتسۇبىشى مالىيە زومىگىرى تارقىتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي كارخانا گۇرۇھى شەكلى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ چوڭ مالىيە گۇرۇھى بولۇۋالغان. 1977-يىلى ئۇ 28 كارخانا، جۈملىدىن ئىككى بانكا، ئىككى سۇغۇرتا شىركىتى، 24 سودا-سانائەت كارخانىغا ئىگە بولغان. 28 كارخانىنىڭ جىڭلىلىرى «ئالتۇن نۇر» ئۇيۇشمىسىنى تەشكىل قىلىپ، مالىيە گۇرۇھىنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرغان.

مىتسۇي مالىيە زومىگىرى

  • مىتسۇي مالىيە زومىگىرى[يەشمىسى:]ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى ياپونىيىدىكى تۆت مالىيە زومىگىرىنىڭ بىرى. مىتسۇي جەمەتى ئېدو دەۋرىدە تاۋار-دۇردۇن ۋە پېرېۋوت قىلىش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغان. مېيجى ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھۆكۈمەت بانكىسىنىڭ كاسسىرلىق ۋە پۇل تارقىتىش ھوقۇقىنى تۇتقان. 1876-يىلى مىتسۇي بانكىسى ۋە نىتسۇي مەھسۇلات شىركىتىنى ئاچقان. 1889-يىلى ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى مىكې كۆمۈر كېنىنى ھۆددىگە سېتىۋالغان. 1892-يىلى مىتسۇي كانچىلىق شىركىتىنى قۇرغان. 1909-يىلى باش شىركىتىنىڭ مىتسۇي بىرلەشمە جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، بانكا ئىشلىرى، مەھسۇلات، كانچىلىق قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كانسايىئېن تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلغان. 1931-يىلى مىتسۇي بىرلەشمە كامپانىيىسىنىڭ مەبلىغى 300 مىليون يېنغا كۆپەيگەن. 40 بىۋاسىتە ۋە شېرەم شىركەتكە ئىگە بولغان. جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ھەربىي سانائىتى تارماقلىرى ۋە ئىشغال قىلىنغان جايلارغا كېڭىيىش ئارقىلىق، تەرەققىي قىلىپ 151 بىۋاسىتە ۋە شېرەم مەبلەغ سېلىش شىركىتىگە ئىگە بولغان. ياپونىيە بويىچە ئەڭ چوڭ مالىيە زومىگىرى بولۇپ قالغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، مىتسۇي مالىيە زومىگىرى تارقىتىۋېتىلگەن، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە كارخانا گۇرۇھى شەكلى بىلەن چوڭ مالىيە گۇرۇھى بولۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1977-يىلى 23 بىۋاسىتە كارخانىغا، جۈملىدىن ئىككى بانكا، ئىككى سۇغۇرتا شىركىتى، 19 سودا-سانائەت كارخانىغا ئىگە بولغان، 23 كارخانىنىڭ جىڭلىلىرى «نىكى جەمئىيىتى» بولۇپ تەشكىللىنىپ، مالىيە گۇرۇھىنىڭ چوڭ-چوڭ پائالىيەتلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرغان.

مىتو ئىلمى

  • مىتو ئىلمى[يەشمىسى:] ياپونىيە ئېدو دەۋرىدە مىتو ۋاسساللىقىدا بارلىققا كەلگەن بىر تۈرلۈك ئىلىم-پەن سىستېمىسى. 1665-يىلى (ياپونىيە كۋەنۋىن بەشىنچى يىلى) مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياپونىيىگە كۆچۈپ بارغان جۇشۇنشۇ (1600 — 1682) مىتونىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد ۋاسسال بېگى توكۇگاۋا مىتىسكۇنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئېدو مىتو ۋاسساللىقىغا بېرىپ جۈزى تەرىقەت ئىلمىنى ئۆگەتكەن، دارىلئۇلۇمدا سالنامە يېزىشقا قاتناشقان كىئوروشى يوروئىرو (1621 — 1698) قاتارلىق ئالىملارغا قارىتا خېلى تەسىر كۆرسەتكەن. كېيىن دارىلئۇلۇمنى مەركەز قىلغان بىر خىل ئىدىيىۋى سىستېما بارلىققا كەلگەن. بۇ ئورۇننىڭ لېدىرى فۇجىتايوكۇ (1774 — 1826) تارىخ يېزىشتا سىياسىي بىلەن بىرلەشتۈرۈش لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلىپ ئەمەلىيەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان. توققۇزىنچى ئەۋلاد ۋاسسال بېگى توكۇگاۋانارىئاكى دەۋرىدە فۇجىتايۇكۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن دۇڭخۇ بىلەن ئازىۋا ياسۇشى (1826 — 1774) قاتارلىقلار ۋاسساللىق ھاكىمىيىتىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پادىشاھنى ھۈرمەت قىلىپ، ياتلارنى چەتكە قېقىشنى تەشەببۇس قىلغان، مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن تەسىرى ئاجىزلاشقان. ئەمما بەزى ۋاقىتلاردا ئوڭ قانات ئۇنسۇرلار ئۇنىڭدىن پايدىلانغان.

مىتىرى

  • مىتىرى[يەشمىسى:]Bartolome Mitre، 1821 — 1906) ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى (1862 — 1868). روساسنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە، ئۇرۇگۋاي، بولىۋىيە، پېرو ۋە چىلى قاتارلىق ئەللەردە قېچىپ يۈرۈپ، ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1852-يىلى مەملىكەت ئىچىدىكى روساسنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشكە قاتناشقان. شۇنىڭدىن كېيىن ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرگۈچىلەرنىڭ يولباشچىسى بولۇپ، ئولكېسا فېدېراتسىيە تەرەپدارلىرى بىلەن ئۇزاق مۇددەت توقۇنۇشقان ۋە ئىچكى ئۇرۇش ئېلىپ بارغان. 1861-يىلى پائون جېڭىدە ئولكېسانى ئاخىرى مەغلۇپ قىلغان. 1862-يىلى زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. برازىلىيە، ئۇرۇگۋاي بىلەن بىرلىشىپ پاراگۋايغا قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، تولۇق غەلىبە قىلغان. زۇڭتۇڭلۇق قەرەلى توشقاندىن كېيىن ئارگېنتىنا-برازىلىيە چېگرا سۆھبىتىگە قاتناشقان. 1874-يىلى زۇڭتۇڭ سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغان. كېيىن توپىلاڭ كۆتۈرۈپ يەنە مەغلۇپ بولغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «بېلگرانونىڭ ھاياتى ۋە ئارگېنتىنانىڭ مۇستەقىللىكى»، «سان-مارتىننىڭ ھاياتى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىقى» قاتارلىقلار بار.

مىتىرىداتⅠ

  • مىتىرىداتⅠ[يەشمىسى:]MithradatesⅠ ياكى MithridatesⅠ، مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 138) ئاساسېس Ⅵ (Arsaces Ⅵ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئارساك پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 171 — 130). تەختتىكى مەزگىلىدە زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. مىدىيىنى بويسۇندۇرۇپ (مىلادىدىن 155 يىل ئىلگىرى)، سېلىۋىكىيىگە ھۇجۇم قىلغان (مىلادىدىن 141 يىل ئىلگىرى)، سېلىۋىك پادىشاھلىقىنىڭ تەسىرىنى مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىن قوغلاپ چىقارغان. شەرقتە باكتېرىيىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى مارگانانى بېسىۋالغان ھەمدە ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغىچە يېتىپ بارغان. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ھۆكۈمرانلىق مەزگىلى، ئارساك پادىشاھلىقىنىڭ روناق تاپقان مەزگىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مىترىداتⅥ

  • مىترىداتⅥ[يەشمىسى:]Mithridates Ⅵ Eupatar Dionysos ياكى MithridatesⅥ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 132 — 63). ئىمپېراتور مىترىدات دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پونتوس پادىشاھلىقى (قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغاقلىرىدا)نىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 121 — 63). 11 ياشقا كىرگەندە ئاتىسى مىترىدات Ⅴ نىڭ (Mithridates Ⅴ Euerbetes) تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، پادىشاھ بولغان. ئۇ ئوبدان تەربىيە كۆرگەن بولۇپ، يۇنان مەدەنىيىتىنى ياقتۇرۇپ قالغان. كۆپ خىل تىلدا سۆزلىشەلەيتتى. ئۇنىڭ زومىگەر بولۇش نىيىتى چوڭ بولۇپ، پەم-پاراسەتتە يۇقىرى ئىدى. دەسلەپ ئەرمىنىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، قارا دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى يۇنان شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 89 — 88 يىللىرى رىم ئىشغالىيىتىدىكى «ئاسىيا ئۆلكىسى»(كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمى) نى ئىشغال قىلغان، رىمنىڭ زۇلۇمىدىن بىزار بولغان يەرلىك ئاھالىلەر ئۇنى «نىجاتكار» دەپ ھېسابلىغان. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن، مۇستەملىكىچى سودىگەرلەردىن ۋە جازانىخورلاردىن بولۇپ 80 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئېرىتىلگەن ئالتۇننى خىيانەتچى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاغزىغا قۇيغان ھەمدە قەرزنى بىكار قىلىش، قۇللارنى ئازاد قىلىش ۋە يەر تەخسىم قىلىپ بېرىش شوئارى بىلەن بىر مەھەل كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە مايىل قىلغان. ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ گرېتسىيىگە ھۇجۇم قىلغان، ئافىنا، بىئوتىيە، ئاكائىيە، لاكۇنىيە قاتارلىق جايلار تەرەپ-تەرەپتىن ئاۋاز قوشقان. رىم سوللانى گرىتسىيىگە ئەۋەتىپ ئۇرۇش قىلغان، مىترىدات ئوڭۇشسىزلىققا ئۈچراپ سۈلھ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. مىلادىدىن 85 يىل ئىلگىرى (ياكى 84 يىل ئىلگىرى) ئىككى تەرەپ سۈلھ شەرتنامە تۈزۈشكەن، بۇ سۈلھ شەرتنامە بويىچە: مىترىدات بېسىۋالغان بارلىق زېمىندىن چېكىنىپ چىققان، 3 مىڭ تالانتۇن تۆلەم پۇل تاپشۇرغان، شۇنىڭ بىلەن «بىرىنچى قېتىملىق مىترىدات ئۇرۇشى» ئاياغلاشقان. مىلادىدىن 83 — 81 يىل ئىلگىرى يىللىرى سوللانىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن سەركەردىسى مۇرېنا (Murena)بىلەن كىچىك ئاسىيا رايونىدا يەنە توقۇنۇشقان، بۇ جەڭ «ئىككىنچى قېتىملىق مىترىدات ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان. بىراق زىددىيەت ئاخىرى ھەل بولمىغان. مىلادىدىن 74 يىل ئىلگىرى بىتنىيە (Bithynia، مەرمەر دېڭىزىنىڭ شەرقىدىكى رايون) نى تالىشىش يۈزىسىدىن يەنە «ئۈچىنچى قېتىملىق مىترىدات ئۇرۇشى»پارتلىغان. مىترىدات 120 مىڭ كىشىلىك پىيادە ئەسكەر ۋە 16 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق ئەسكەر ھەمدە باشقا ياردەمچى قوشۇنلىرىنى سەپەرۋەر قىلغان؛ رىم لوكوللۇ (Lucullus) ۋە كوتتا (Cotta) دىن ئىبارەت ئىككى نەپەر كونسۇلىنى ئەۋەتىپ ھەرقايسى جايلاردىكى خەلقنىڭ رىمنىڭ ئىستېلاسى ۋە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

مىچۇرىن

  • مىچۇرىن[يەشمىسى:]Иван Владимирович Мичурин، 1855 — 1935) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىئولوگىيە ئالىمى. رېيازان ئوبلاستىنىڭ دوركېيىپ يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن، پرىكازچىك، مانتيور تېخنىكى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان. 1875-يىلدىن باشلاپ ئۆز مائاشى بىلەن مەبلەغ توپلاپ يەر سېتىۋېلىپ، باغۋەنچىلىك تەجرىبىسى بىلەن شۇغۇللانغان. چار پادىشاھ دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشكەن، تەتقىقات خىزمىتىدە ناھايىتى زور ئىلگىرىلەش بولغان. مىچۇرىن ئۆزىنىڭ 60 يىللىق تەجرىبە ۋە ئەمەلىيىتى داۋامىدا 300 خىلدىن كۆپرەك ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلىك دەرەخ سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. ئۇ ئورگانىك جىسىم بىلەن ئۇنىڭ ياشاش شارائىتى بىرلىكى پرىنسىپىنى ئاساس قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆسۈملۈك ئورگانىك جىسىمنىڭ ئۆسۈش ھەمدە ئۇنىڭ ئىرسىيەتچانلىقى بىلەن ئۆزگىرىشچانلىقىنى تىزگىنلىيەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. تۇراقسىز ئىرسىيەتچانلىق، نىشانلىق يېتىشتۈرۈش، چەتتىن چېتىشتۇرۇش، جىنسسىز شالغۇتلاشتۇرۇش ۋە كۆندۈرۈش قاتارلىق ئۆسۈملۈك ئىرسىيەتچانلىقىنى ئۆزگەرتىش پرىنسىپلىرى بىلەن ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىچۇرىن تەلىماتىنى بەرپا قىلغان. مىچۈرىننىڭ: «خىزمەت پرىنسىپى ۋە ئۇسۇلى»، «60 يىللىق خىزمەت خۇلاسىلىرىم» قاتارلىق ئاساسلىق ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى «مىچۇرىن ئەسەرلىرى» گە كىرگۈزۈلگەن.

مىخائېلⅢ

  • مىخائېلⅢ[يەشمىسى:]MichaelⅢ 839 — 876) مىكائېل Ⅲ دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (842 — 867). يېشىغا توشماي تەختكە چىققان. مىلادى 856-يىلىدىن ئاۋۋال ئۇنىڭ ئاپىسى تېئودورا (Theodora،؟ — 867) نائىب بولغان. تەختتىكى مەزگىلىدە «بۇتقا چوقۇنۇش» («بۇت چېقىش ھەرىكىتى» گە قارالسۇن) نى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 860-يىلى روس ئارمىيىسىنىڭ كونستانتىنوپولغا قىلغان ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. 861-يىلى بۇلغارىيىنى ئىستېلا قىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھىنى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. 863-يىلى كىچىك ئاسىيادا ئەرەبلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئېفرات دەرياسىغىچە قوغلاپ بارغان. 867-يىلى ئۆزىنىڭ يېقىنى باسېل Ⅰ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

مىخائېل Ⅷ (پالېئولوگ)

  • مىخائېل Ⅷ (پالېئولوگ)[يەشمىسى:]Michael Ⅷ Palaeologus، 1234 — 1282) نىسېيە ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى (1260 — 1261)، ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى (2821 - 1621)، پالېئولوگ خاندانلىقىغا ئاساس سالغۇچى. 1258-يىلى ۋېزانتىيە ئىمپېراتورى يۇئان Ⅳ ( Joannes Ⅳ، تەخمىنەن 1250 — 1300) كە نائىب بولغان. 1260-يىلى ئۆزىنى ئىمپېراتور قىلىپ تىكلەپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ھاكىمىيەت باشقۇرۇپ كەلگەن. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان دەسلەپكى مەزگىلىدە، گرېكلارنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ ھەمدە گېنويەنىڭ ياردىمىدىن (گېنويىلىكلەرنى ئىمپېرىيە دائىرىسىدە سودا ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن قىلىش شەرتى بىلەن) پايدىلىنىپ، لاتىن ئىمپېرىيىسى بىلەن داۋاملىق كۈرەش ئېلىپ بارغان. 1261-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى كونستانتىنوپولنى ئېلىپ، لاتىن ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. شۇ يىلى يۇئان Ⅳ نى رەسمىي بىكار قىلغان.

مىخائىل فېدوروۋىچ

  • مىخائىل فېدوروۋىچ[يەشمىسى:]Михаил Хёдорович، 1596 — 1645) روسىيە چار پادىشاھى (1613—1645). رومانوۋ خاندانلىقىغا ئاساس سالغۇچى. ئىۋان Ⅵ بىلەن فيودور ئىۋانوۋىچدىن ئىبارەت ئىككى چار پادىشاھنىڭ تۇغقىنى بولغان رومانوۋ جەمەتىگە مەنسۇپ. روسىيە بويىچە تۆرىلەر يىغىنى چار پادىشاھ قىلىپ سايلىغان. ئۇ چاغدا 16 ياشتا بولۇپ، تۇغقىنى سالىتكوۋ (Сэлтыковы) بىلەن چېركاسكى (Черкасские) دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ جەمەت ئۇنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشىغا ياردەملەشكەن. 1619-يىلى پولەكلەرگە ئەسىرگە چۈشكەن ئاتىسى (ئارخېئېپىسكوپ) فىلارېتنى (Фидэрет) قايتۇرۇپ كېلىپ بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئاتىسى دىنىي ۋە دەھرىي چوڭ ھوقۇقىنى يالغۇز ئۆزى تۇتقان. 1633-يىلى ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆلگەن. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەركىزىي ھاكىمىيەتنى كۈچەيتكەن، دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان، ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، يەرلەرنى ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرگە ئىنئام قىلىپ بەرگەن ھەمدە يانچىلىق تۈزۈمىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىر يۈرۈش پەرمانلارنى ئېلان قىلىپ، قاچقۇن دېھقانلارنى قوغلاپ تۇتۇپ كېلىش يىل چەكلىمىسىنى ئەسلىدىكى 10 يىلدىن 15 يىلغا ئۇزارتقان. 1615-يىلى پىسكوۋ ئەتراپىدا شۋېتسىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. 1617-يىلى شۋېتسىيە نوۋگورودنى روسىيىگە قايتۇرۇپ بەرگەن، بىراق فىنلاند قولتۇقىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى جايلارنى يەنىلا بېسىۋالغان. 1618-يىلى پولشانىڭ موسكۋاغا قىلغان ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلغان. 1632-يىلى ئۇرۇش يەنە پارتلاپ، روسىيە ئارمىيىسى ئوڭىشسىزلىققا ئۇچرىغان. 1634-يىلى روسىيە-پولشا سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىنىپ، سىمولېنىسىك قاتارلىق ئىشغال قىلىۋېلىنغان رايونلارنى پولشاغا بۆلۈپ بەرگەن.

مىخائىلوⅢ

  • مىخائىلوⅢ[يەشمىسى:]MihailoⅢ Obrenovic، 1823 — 1868) سېربىيە كىنەزى (1839 — 1842، 1860— 1868). تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئاتىسى كىنەز مىلوشنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرغان. 1842-يىلى ۋوچىچ قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. 1860-يىلى يەنە بىر نۆۋەت كىنەز بولغان. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە، قوشۇننى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن، مەمۇرىي باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلغان. 1867-يىلى تۈركىيە قىسىملىرىنى سېربىيىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلغان. ئۇ چوڭ سېربىيىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، سېربىيە خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىقى ئاساسىدا يۇگوسلاۋىيە رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سېربىيە، مونتېنېگرو، گرېتسىيە، رۇمىنىيە ۋە بۇلغارىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بالقان ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ چىقىشقا ئۇرۇنغان. مۇنارخىيىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، پارلامېنتنى كىنەزنىڭ قولىدىكى مەسلىھەت ئورگىنىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. 40-يىللاردا روسىيە بىلەن ھەمكارلىشىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئاۋسترىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. 1868-يىلى 6-ئايدا سۇيىقەست بىلەن ئۆلگەن. 

مىخائىلوۋىچ

  • مىخائىلوۋىچ[يەشمىسى:]Draza Mihailovic، 1893 — 1946) يۇگوسلاۋىيىدىكى پادىشاھپەرەس قوشۇن — «چىتىنىك» نىڭ كاتتىبېشى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، دوناي يۆلىنىش ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى بولغان. بۇلغارىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدار بولغان. كېيىن باش شتابنىڭ پولكوۋنىكى بولغان. 1941-يىلى 4-ئايدا يۇگوسلاۋىيە ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدە چىتىنىك قىسمىنى تەشكىللەپ، پادىشاھنى ھىمايە قىلىش شوئارى بىلەن ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش تۇغىنى كۆتۈرۈپ چىققان. شۇ يىلنىڭ ئاخىرى يۇگوسلاۋىيە قاچاق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گېنېرال پولكوۋنىكلىققا ئۆستۈرۈلگەن ھەمدە قۇرۇقلۇق-دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت خانلىق قىسىملىرىنىڭ ئالىي قوماندانى قىلىپ بەلگىلەنگەن. يۇگوسلاۋىيە كومپارتىيىسى پارتىزانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۆپ قېتىم رەت قىلىپ، ئىشغالىيەتچى قوشۇنلار بىلەن ئاستىرتتىن تىل بىرىكتۈرۈپ، پارتىزانلار ئەترىتىگە زەربە بەرگەن. كېيىن بىر مەزگىل سېربىيە تاغلىق رايونىغا قېچىپ بېرىۋالغان. 1942-يىلىدىن كېيىن ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئىشغالىيەتچىلەر ئارمىيىسىگە ماسلىشىپ، پارتىزانلار ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغان. 1945-يىلى 3-ئايدا ئەسىرگە چۈشۈپ، ئىككىنچى يىلى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

مىخاي (جاسارەتلىك)

  • مىخاي (جاسارەتلىك)[يەشمىسى:]Mihai Vetezul، 1558 — 1601). ۋالاخىيە گېرتسوگى (1593 — 1601). ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، 1594-يىلى 11-ئايدا ئەسكەر تارتىپ تۈركلەر ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. ئىككىنچى يىلى 8-ئايدا تۈرك قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. 1600-يىلى رۇمىنىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم ۋالاخىيە، مولدوۋا، ترانسېلۋانىيىلەرنى بىر ھاكىمىيەت ئاستىغا ئالغان. 1601-يىلى 8-ئايدا قول ئاستىدىكىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن دۆلەت زېمىنى بۆلۈنۈپ، قايتا ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە تەۋە قىلىۋېلىنغان. 

مىخاي تانچىچ

  • مىخاي تانچىچ[يەشمىسى:]Mihay Tancsics، 1799 — 1884) ۋېنگرىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى. ۋېنگر يانچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياشلىق مەزگىلىدە پومېشچىك قورۇقىدا ياللانما ئىشچى ۋە توقۇمىچى بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ياۋروپانى كېزىپ چىقىپ، ئىلغار ئىدىيە بىلەن ئۇچرىشىپ، خەلقنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى چۈشىنىپ، ئىنقىلابىي دېموكراتىزمچىغا ئايلانغان. دېھقانلارنى شەرتسىز ئازاد قىلىشنى، يەرنى دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىشنى، ۋېنگرىيىنىڭ دېموكراتىيە ۋە مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. ماقالە يېزىپ ئاۋسترىيە ھابسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئەكسىيەتچىل دائىرىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، كۆپ يىل قاماقتا ياتقان. 1847-يىلى 2-ئايدا بۇداپېشتتا تۇنجى ۋېنگرىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللىگەن، «ئىشچىلار گېزىتى» چىقىرىپ، ئىنقىلابىي ئىدىيىنى تەشۋىق قىلغان. پېشت ۋە دېبرېتسېن ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1848-يىلى باھاردا تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان، 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ېپشت قوزغىلاڭچىلىرى تەرىپىدىن ئازاد قىلىنىپ، ئارقىدىنلا كۈرەشكە ئاتلانغان. شۇ يىلى 6-ئايدا ۋېنگرىيىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك مىللىي پارلامېنتتىكى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان، بۇ مەزگىلدە دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ، دېھقانلار كۈرىشىنى قوللىغان، مىللىي پارلامېنتىكى سولچىلار ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. 1868-يىلى ۋېنگرىيە ئىشچىلىرى باش ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان. 

مىخايلوۋسكىي

  • مىخايلوۋسكىي[يەشمىسى:]Николэй Константинович Мпхайловский، 1842 — 1904) روسىيىلىك سوتسىئولوگ ۋە سىياسىي ئوبزورچى. لىبېرال نارودنىك مۇتەپپەككۇرى. كاتتا ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پېتېربۇرگ كان قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىدا ئوقىغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ ئەدەبىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، دەسلەپ «ۋەتەن خاتىرىلىرى» ژۇرنىلىغا ماقالە يېزىپ تۇرغان. 1892-يىلى «روسىيە بايلىقى» ژۇرنىلىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ سۇتسىئولوگىيىدە سۇبيېكتىپ ئۇسۇلنى قوللىغان، «تەنقىدىي تەپەككۇر» لىك كىشىلەر تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى دەپ ھېسابلاپ، «قەھرىمانلار»، «قارا خەلق» كە رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك دېگەننى تەرغىپ قىلغان. بۇ خىل ئىدېئالىستىك نەزەرىيە، نارودنىكلارنىڭ شەخسىي تېررورلۇق تاكتىكىسىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان. ئۇ، غەيرىي كاپىتالىزملىق تەرەققىيات يولى ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەرغىپ قىلغان. كېيىنرەك خەلق ئىرادىسى پارتىيىسىگە يېقىنلاشقان. 90-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەسەر-ماقالىلەر يېزىپ، ماركسىزمغا قارشى چىققان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئىلگىرىلەش دېگەن نېمە؟»، «قەھرىمانلار ۋە قارا خەلق» قاتارلىقلار بار. ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ «ئەسەرلىرى توپلىمى» نەشىر قىلىنغان. 

مىخىراگۇلا

  • مىخىراگۇلا[يەشمىسى:]Mihiragula، ؟ — 542) ئېفتالىتلارنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانى. تورا مانانىڭ ئوغلى. مىلادى 502-يىلى تەختكە چىققان. پەنجاپتىكى ساكالا (Sakala، ھازىرقى سيالكوت) نى پايتەخت قىلىپ، قاباھەتلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويغان. تەخمىنەن 533-يىلى ماگادالىق ياسو دارمان (Yasodharman) نىڭ رەھبەرلىكىدە لەشكەر تارتىپ چىقىپ، كوخرۇر (Kohrur، ھازىرقى پاكىستاننىڭ مۇرتان رايونى) دا ئېفتالىت قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان، شۇنىڭ بىلەن ئېفتالىتلارنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. مىخىراگۇلا كەشمىرگە قېچىپ بارغان، كېيىن ئۇنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى كەشمىرگە پادىشاھ بولغان. 

مىداس

  • مىداس[يەشمىسى:]Midas). قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى فراكىيە (Phrygia، كىچىك ئاسىيادا) نىڭ پادىشاھى. ئاچكۆز. ئۇ، ھاراق تەڭرىسى دىئونسۇسنىڭ ئۇستازى سىلېنوس (Silenus، يېرىم مەخلۇق خۇدا) نى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ھاراق خۇداسى ئۇنىڭغا ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش ھېكمىتىنى ئۆگىتىپ قويغانمىش. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ قولى تەگكەنلا نەرسىلەر شۇ زامان ئالتۇنغا ئايلانغانمىش، دەسلەپتە خۇشاللىقىدىن خۇدىنى بىلمەي قالغانمىش، بىراق ئۇنىڭ قولى تەگكەن يېمەك-ئىچمەكلەرمۇ ئالتۇنغا ئايلىنىپ قالغاچقا ھايات كەچۈرۈشكە ئامالسىز قالغانمىش، نائىلاجلىقتىن يەنە بىر قېتىم خۇداغا ئىلتىجا قىلغانمىش. ھاراق خۇداسى ئۇنىڭغا تمولۇس (Tmolus) تېغى ئەتراپىدىكى پاكتولۇس (Pactolus) دەرياسىغا بېرىپ چۆمۈلۈپ پاكلىنىشقا بۇيرۇپتۇ، ئۇنىڭ ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش ماھارىتى شۇنىڭ بىلەن يوقاپ، بۇ دەريادىكى قۇم ئالتۇنغا ئايلىنىپ كەتكەنمىش. كېيىن ئاپوللون بىلەن پان (پادىچىلار خۇداسى) نىڭ نەغمە-ناۋا مۇسابىقىگە ھۆكۈمچى بولغاندا، پاننى غەلىبە قىلدى دەپ ھۆكۈم قىلغانمىش؛ ئاپوللون ئۇنى جازالاپ، ئىككى قۇلىقىنى ئېشەك قۇلىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانمىش.

مىدھەت

  • مىدھەت[يەشمىسى:]Midhat Pasha، 1822 — 1884) ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ باش ۋەزىرى (1872، 1876 — 1877-يىللىرى)، يېڭى ئوسمان جەمئىيىتى ۋە تۈركىيە ئاساسىي قانۇنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى. قازى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ياشلىق دەۋرىدىلا ئەمەل تۇتقان. 1864 — 1868-يىللىرى دوناي دەرياسى بۇلغارىيە ئۆلكىسىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان، 1869 — 1872-يىللىرى باغداتنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە ئىككى جايدىكى مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرغان. 1872-يىلى 8-ئايدا بىر مەزگىل باش ۋەزىر بولغان. ئۇ پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، مالىيە ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىمپېرىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەن. 1876-يىلى يېڭى ئوسمانىلار سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن قايتا باش ۋەزىر بولغان، تۈركىيىنىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ چىققان. ئىككىنچى يىلى 2-ئايدا ئابدۇل ھەمىد Ⅱ تەرىپىدىن خىزمىتىدىن قالدۇرۇلۇپ، سۈرگۈن قىلىنغان. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 1881-يىلى يەنە تۇتقۇن قىلىنغان. 1884-يىلى سۈرگۈن قىلىنغان جايدا ئۆلتۈرۈلگەن. 

مىدۋېي ئارىلى ئۇرۇشى

  • مىدۋېي ئارىلى ئۇرۇشى[يەشمىسى:] 1942-يىل 6-ئاينىڭ 4 — 6-كۈنلىرى ياپونىيە فلوتلىرى بىلەن ئامېرىكا فلوتلىرىنىڭ مېدۋېي ئارىلىنىڭ يېنىدىكى دېڭىز رايونىدا ئېلىپ بارغان دېڭىز ئۇرۇشى. مىدۋېي ئارىلى پيورل-خاربور پورتىنى قوغداپ تۇرىدىغان تەبىئىي توسۇق ئىدى. ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ بۇ ئۇرۇشنى قوزغاشتىكى مەقسىتى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بۇ مۇھىم دېڭىز ئارمىيىسى بازىسىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا تىنچ ئوكياندىكى ئاساسلىق دېڭىز ئارمىيىسى فلوتلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاش ئىدى. ئۇرۇش، ئاساسەن ھاۋا ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىپ، ياپونىيە ئارمىيىسى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، تۆت ئاۋىئاماتكىسى چۆكتۈرۈۋېتىلگەن. 253 ئايروپىلانى ئۇرۇپ چۈشۈرۈلگەن. دېڭىز ئۇرۇشى نەتىجىسىدە، ياپونىيە تىنچ ئوكياندا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغاش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ستراتېگىيىلىك مۇداپىئە ھالىتىگە كۆچكەن.

مىر

  • مىر[يەشمىسى:]1) پارسچە Mir ياكى Meer نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. موغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئاتىلىشى ھەمدە ئىسلام دىنىغا ئاساس سالغۇچى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئاتاشتىمۇ قوللانغان. سەئىد Saiyid Sayyid ياكى Said) بىلەن مەنىسى ئوخشاش. ھىندىستاندا قەبىلە باشلىقلىرى ياكى يولباشچىلىرىمۇ بۇ نامنى قوللانغان. (2) رۇسچە MNP نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ⅩⅤ ئەسىردىن ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە رۇس يېزا جامائەسىنى كۆرسىتىدۇ. يېزا باشلىقىنى يېزا جامائەسى ئەزالىرى سايلاپ بەرگەن، تېرىلغۇ يەر جامائەسى قەرەللىك تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن، باج-سېلىقنى كىشى بېشىغا چېچىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. يېزا-كەنت كېڭەشمىسى يېزا جامائەسىنىڭ باشقۇرۇش ئورگىنى قىلىنىپ، ھەر خىل ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەسئۇل بولغان. 1861-يىلىدىكى يانچىلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىن كېيىن، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى، دېھقانلارنى بوغۇپ تۇرۇش ۋە بىر تۇتاش باج يىغىۋېلىشنىڭ قورالى سۈپىتىدە ئۇنى داۋاملىق ساقلاپ قالغان. ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىدىن كېيىن بىكار قىلىنغان.

مىرابۇ

  • مىرابۇ[يەشمىسى:]Honore Gabriel Riquetti Comtede Mirabeau، 1749 — 1791) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1767-يىلى ئارمىيىگە قاتناشقان. 1770-يىلى ھەربىي سەپتىن بوشانغان. ئىنقىلابتىن بۇرۇن شاللاقلىق قىلىپ، كۆپ قېتىم قاماققا ئېلىنغان، كېيىن ئۇزاق ۋاقىت چەت ئەلدە تۇرغان. 1785-يىلى پارىژغا قايتىپ كەلگەن. ئىككىنچى يىلى فرانسىيە ھۆكۈمىتى پرۇسسىيىگە مەخپىي ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن ئەۋەتكەن. 1787-يىلى «بۈيۈك ئىمپېراتور فرىدرىخ ھۆكۈمرانلىقىدىكى پرۇسسىيە پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى» ناملىق كىتابىنى يېزىپ چىققان. 1789-يىلى ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ئۈچىنچى دەرىجىلىكلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىپ قاتناشقان. 6-ئاينىڭ 23-كۈنى پادىشاھ مىللىي پارلامېنتنى تارقىتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەندە، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ قارشى تۇرغان. ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى مەزگىلىدە، ئىستىبدات ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى تەنقىد قىلىدىغان، خەلق ھوقۇقىنى تەرغىپ قىلىدىغان نۇرغۇن نۇتۇق سۆزلەپ، بىر مەھەل پارلامېنت مۇنبىرىنى ئىگىلىگەن. بىراق ئۇ ئەنگلىيىچە — پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، پادىشاھقا مۇتلەق رەت قىلىش ھوقۇقى ۋە ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 1790-يىلىدىن تارتىپ ئىنقىلابتىن يۈز ئۆرۈپ، ئوردا بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، پادىشاھنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان. ئىككىنچى يىلى كېسەل بىلەن ئۆلگەن. ئۇنىڭ نۇتۇق ۋە خەت-چەكلىرى توپلىمى بار.

مىراندا

  • مىراندا[يەشمىسى:]Francisco de Miranda، 1750 — 1816) ئىسپانىيىگە قاراشلىق جەنۇبىي ئامېرىكا مۇستەملىكىلىرى مۇستەقىللىك ئۇرۇشى رەھبەرلىرىدىن بىرى. كاراكاستىكى كىلئوۋلار باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئىسپانىيە ئارمىيىسىدە ئوفىتسېر بولغان. شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەمدە ئۇزاق ۋاقىت ئامېرىكىدا تۇرۇپ، ۋاشىنگتون قاتارلىق كىشىلەر بىلەن تونۇشقان. كېيىن ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە قاتارلىق ئەللەرگە بېرىپ، سىرتنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىنى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 1792 — 1793-يىللىرى فرانسىيە ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1805-يىلى 200 نەپەر پىدائىينى باشلاپ، نيۇ-يوركتىن يولغا چىقىپ، ئىككى قېتىم ۋېنسۇئېلا دېڭىز قىرغىقى ئارقىلىق قۇرۇقلۇققا چىققان، بىراق چېكىندۈرۈلگەن. 1810-يىلى مۇستەقىللىك ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان. ئىككىنچى يىلى 7-ئايدا تۇنجى ۋېنسۇئېلا جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت باشلىقى ۋە باش قوماندان بولغان. 1812-يىلى 7-ئايدا كۆپ قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن نائىلاج ئىسپانىيە ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. ئۇزاق ئۆتمەي تۇتقۇن قىلىنغان. 1816-يىلى ئىسپانىيىنىڭ كادىس تۈرمىسىدە ۋاپات بولغان.

مىرزا تاجىخان

  • مىرزا تاجىخان[يەشمىسى:] يەنى «ئەمىر نىزام».

مىرجافار

  • مىرجافار[يەشمىسى:]Mirjafar، 1691 — 1765) ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسى بېنگال ناۋابى (ھۆكۈمرانى، 1757 — 1760، 1763 — 1765). بېنگال ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان، پلاسېي (Plassey) جېڭىدە ئەنگلىيە ئارمىيىسىگە ئاستىرتىن ياردەم بېرىپ، ھىندىستان ئارمىيىسىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. ئىنگلىزلارنىڭ يۆلىشى بىلەن بېنگالنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان. بۇنىڭ بەدىلىگە 24 «پارگانا» (Pargana، يەنى ناھىيە) زېمىنىنى شەرقىي ھىندىستان شىركىتىگە سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن، 17 مىليون روپىيىدىن كۆپرەك پۇل تۆلىگەن ھەمدە 1757-يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى شەرتنامە تۈزۈپ ئىنگلىزلارغا بېقىنغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئەنگلىيە بىلەن زىتلىشىپ قېلىپ، 1760-يىلى ناۋابلىقتىن ئېلىپ تاشلانغان. ئۈچ يىلدىن كېيىن ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئەنگلىيە بىلەن يېڭى ھاقارەتلىك شەرتنامە ئىمزالاپ، ئەنگلىيىنىڭ تۇرۇشلۇق ئەمەلدارىنى قوبۇل قىلغان، قوشۇننى قىسقارتىپ، ئەنگلىيە ئاشتۇزى سودا چېگرا بېجىنى تۆۋەنلەتكەن، ئەنگلىيىگە زور مىقداردا ئۇرۇش خىراجىتى تاپشۇرۇپ، بېنگال ئىقتىسادىنى ۋەيران بولۇش گىردابىغا چۈشۈرۈپ قويغان.

مىرخاۋەند

  • مىرخاۋەند[يەشمىسى:]Mirkhwand ياكى Mirkhond، 1433 — 1498) پارس تارىخشۇناسى. بەلختە تۇغۇلغان. ئۇزاق مەزگىل ھىراتتا تېمۇر خاندانلىقى ھۆكۈمرانى سۇلتان ھۈسەيىن (Sultan Husayn Baykara، 1469 — 1505-يىللىرى تەختتە بولغان) نىڭ ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ «رەۋزەتۇسەفاھ» (يەتتە توم بولۇپ، كېيىنكى قىسمىنى ئۇنىڭ نەۋرىسى خاندەمر يېزىپ ئاياغلاشتۇرغان) ناملىق ئومۇمىي تارىخىي ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسەن قەدىمكى زاماندىن تارتىپ 1523-يىلىغىچە بولغان پېرسىيە تارىخى بايان قىلىنغان. كىتابنىڭ ئاخىرىغا جۇغراپىيىلىك يەر-جاي ناملىرى ئىلاۋە قىلىنغان، بۇ كىتابتا ئەتراپلىق نەقىل ئېلىنغان، مول ماتېرىيالغا ئىگە بولۇپ، نۇرغۇنلىغان يوقالغان ئەسەردىكى تارىخىي ماتېرىياللارنى ساقلاپ قالغان. ئۇسلۇبىمۇ جانلىق ۋە سەلتەنەتلىك بولۇپ قەدىمكى ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئاساسلىق تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مىر قاسىم

  • مىر قاسىم[يەشمىسى:]Mirkasim ياكى Mirqasim ؟ — 1777) ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسى بېنگال ناۋابى (ھۆكۈمرانى، 1760 — 1763) مىرجافارنىڭ كۈيئوغلى. 1760-يىلى مىرجافار خىزمىتىدىن بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئىنگلىزلارنىڭ قوللىشى بىلەن ناۋابلىققا چىققان. شۇ سەۋەبتىن ئەنگلىيە بىلەن شەرتنامە تۈزۈپ، ئەنگلىيىنىڭ بېنگال ئۆلكىسىدىكى ۋالىيسى ۋە كېڭەش ئەزالىرىغا 200 مىڭ فوند ستېرلىڭ ھەق بەرگەن ھەمدە بېنگال ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ مۇنبەت ئۈچ رايونى: بۇر داۋان (Burdawan)، مىرناپور (Midnapore) ۋە چىتتاگوڭنى كېسىپ بەرگەن. كېيىن ئىنگلىزلارنىڭ تىزگىنلىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا كىرىشكەن. ياۋروپا شتاتى بويىچە قوشۇننى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن، مەركەزنى مورشىد ئاباد (Murshidabad) دىن مونگر (Monghyr) غا يۆتكەپ كەلگەن؛ ئەنگلىيە بىلەن سودا مال ئالماشتۇرۇشنى ئازدۇر-كۆپتۇر چەكلىگەن. 1763-يىلى ئەنگلىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 1764-يىلى 10-ئايدا بوكسار (Buxar) ئەتراپىدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭدە، ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، دېھلىغا قېچىپ كەتكەن.

مىركا

  • مىركا[يەشمىسى:]Mircea Cel Batrin، ؟ — 1418) ۋالاخىيە كىنەزى (1386 — 1418). 1389-يىلدىكى كوسوۋو جېڭىگە قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغان. 1394-يىلى 10-ئايدا ۋالاخىيىنىڭ غەربىي قىسمىدا سۇلتان بايازىت Ⅰ قوماندانلىقىدىكى تۈرك قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. 1396-يىلى ۋېنگرىيە پادىشاھى سىگىسموند قوزغىغان تۈركىيىگە قارشى ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسىگە قاتناشقان. نەتىجىدە نىكروپول جېڭىدە تۈركلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1415-يىلى تۈركىيىگە ئەل بولۇشقا مەجبۇر بولغان.

مىرون

  • مىرون[يەشمىسى:]Myron، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىر) قەدىمكى يۇنانلىق ھەيكەلتىراش. مىلادىدىن تەخمىنەن 480 يىل ئىلگىرى، بېئوتىيەنىڭ ئىلېتېرىيە (Eleutherae) دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، بۇ يەرنىڭ ئاھالىسى ئافىنا پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغانلىقتىن، ئۇمۇ ئافىنالىق دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ھەيكەلتىراش ئاگېلاداس (Ageladas) نىڭ شاگىرتى بولۇپ، فىدىياس بىلەن زامانداش ھەم ئۇنىڭدىن ياش. رېئالىزملىق ئىپادىلەش ئۇسلۇبى بىلەن كىشىلەر بەدىنىنىڭ گۈزەللىكىنى سۈرەتلەپ بېرىش، بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى بىلەن توختىشى تەكشى بولغان بىردەملىك ھالىتىنى ئىپادىلەپ بېرىشكە ماھىر بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۆپرەك تۇچتىن ياسالغان بولۇپ، بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كىلەلمىگەن. ھازىر ساقلىنىۋاتقانلىرى رىم دەۋرىدىكى تەقلىدى قىلىپ ياسالغانلىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغىنى «دىسكىچى» ناملىق ھەيكىلى بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر ياش سىپورتچىنىڭ دىسكى ئېتىۋاتقاندىكى بىردەملىك ئوبرازىنى ئىجادىي ھالدا سۈرەتلىگەن. ئۇ جانلىق، ئەينەن بولۇپ، كىشىلەرگە دەل جايىدىكى جىددىيلىك ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن؛ بۇنىڭدىن بىرى لوندوندىكى بىرىتانىيە مۇزېيىدا، يەنە بىرى رىمدىكى ماسسىمى (Massimi) سارىيىدا ساقلانماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئەسىرى «ئافىنا بىلەن مازىيە» مۇ ئادەتتە ئۇنىڭ ئەسىرى دەپ قارىلىپ، ھازىر رىم بىلەن ئافىنادا (ياكى فرانكفورىتا) ساقلانماقتا.

مىژرايونچىلار

  • مىژرايونچىلار[يەشمىسى:] ئەسلى ئىسمى «روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى رايونلۇق بىرلەشمە كومىتېتى» بولۇپ، كېيىن «رايونلۇق بىرلەشمە كومىتېتى» دەپ ئاتالغان. 1903-يىلى پېتېر-بۇرگدا قۇرۇلغان. قاتناشقۇچىلىرى تروتىسكىچىلار، مېنشېۋېكلار ۋە بولشېۋىكلار ئىچىدىكى پارتىيىدىن ئايرىلغان قىسمەن ئۇنسۇرلاردىن ئىبارەت. ئۇلار پېتېربۇرگدىكى بولشېۋىك ۋە مېنشېۋېك تەشكىلاتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ «بىرلىككە كەلگەن روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى» قۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئۇلار بولشېۋىكلارغا قارشى، لېكىن بەزى مەسىلىلەردە يەنە مېنشېۋېكلاردىن سولراق. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىتەرەپ مەيدان قوللانغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن مېنشېۋېكلاردىن ئادا-جۇدا بولغان. روسىيە سوتسىئال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە، بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ سىياسەتلىرىنى قۇۋۋەتلەيدىغان بايانات ئېلان قىلىپ، پارتىيىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان ۋە قۇرۇلتاينىڭ مۇزاكىرىسى ئارقىلىق تەستىقلانغان (تەخمىنەن 4000 كىشى). بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر مەسىلەن، ۋولودارىسكى (1891—1918 В.Волдэрский)، ئورىتىسكى قاتارلىقلار ھەقىقىي بولشېۋىكلارغا ئايلانغان. مىژ رايونچىلارنىڭ باشلىقى تروتىسكى قاتارلىقلار بولسا ماركسىزم-لېنىنىزمغا قارشى مەيدانىدا داۋاملىق چىڭ تۇرغان. بۇ گۇرۇھنىڭ پائالىيىتى 1917-يىلى توختىغان.

مىسترال

  • مىسترال[يەشمىسى:]Gadriela Mistral، 1889 — 1957) چىلىلىك شائىرە. ئەسلى ئىسمى لۇسلا گودوي ئالكاياگا (Lucila Godoy Alcayaga). نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1912 — 1918-يىللىرى چىلىنىڭ ئاندېس يېزىلىق قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرى بولغان. 1921-يىلى تەكلىپكە بىنائەن مېكسىكىغا بېرىپ، مېكسىكىنىڭ مەكتەپ تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشقا ياردەم بەرگەن. كېيىن چىلىنىڭ ئامېرىكا، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، برازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان ھەمدە چىلىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقتا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق شېئىرلار توپلاملىرىدىن: «ئۆلۈم ھەققىدىكى ئون تۆت مىسرا»،«غېرىبسىنىش»، «مۇلايىملىق»، «تىكەنلىك دەرەخ»، «ئۈزۈم سىقىش ماشىنىسى» قاتارلىقلار بار. مىسترال 1945-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مىسسىسىپى مەدەنىيىتى

  • مىسسىسىپى مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] شىمالىي ئامېرىكىدىكى مىسسىسىپى (Mississippi) دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىمىنى مەركەز قىلىپ، ئوھىئو دەريا ۋادىسى، ئوتتۇرا قىسىم ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىدىكى رايونلارغا كەڭ تارقالغان بىر خىل مەدەنىيەت. ۋاقتى ۋودراند مەدەنىيىتىدىن كېيىن بولۇپ، Ⅰ دەۋر (مىلادىدىن ئىلگىرى 1200 — 700)، Ⅱ دەۋر (مىلادىدىن 1200 يىل ئىلگىرى) گە ئايرىش مۇمكىن. ئاساسىي ئالاھىدىلىكى مەيدان ئەتراپىدىكى چاسا شەكىللىك تەكشى توپا سۇپا ئۈستىگە ئىبادەتخانا ۋە باشقا مۇھىم ئىمارەتلەرنى ياساشتىن ئىبارەت. دېھقانچىلىقتا كۆممىقوناق، پۇرچاق قاتارلىقلار ئاساس قىلىنغان. قېزىۋېلىنغان ساپال قاچىلارنىڭ شەكلى ۋە گۈللىرىدىن قارىغاندا، ئوتتۇرا ئامېرىكا رايونىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى روشەن كۆرۈنىدۇ. ئىلىنوس شتاتىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان كاخوكىيە (Cahokia) خارابىسى تىپىك خارابە بولۇپ، ئايلانمىسى 65 كىلومېتر كېلىدىغان دائىرە ئىچىدە سەكسەن نەچچە توپا سۇپا بار ھەمدە قەبىلە ئولتۇراقلاشقان جاينىڭ نۇرغۇنلىغان خارابىلىرى ۋە شۇ دەۋردىن قېپقالغان كۆپلىگەن نەرسىلەر تېپىلغان. ئۇ شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ زور خارابىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مىسسۇرى مۇرەسسە قانۇن لايىھىسى

  • مىسسۇرى مۇرەسسە قانۇن لايىھىسى[يەشمىسى:] ئامېرىكا پارلامېنتى 1820-يىلى قۇللۇق تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىش ياكى بىكار قىلىش مەسىلىسى ۋە مىسسۇرى شتاتىنىڭ قانداق سالاھىيەت بىلەن ئىتتىپاققا قاتنىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ماقۇللىغان مۇرەسسە قانۇن لايىھىسى. 1790-يىلى ماسون-دىكسون سىزىقى قۇللۇق تۈزۈمىدىكى شتاتلار بىلەن ئەركىن شتاتلارنىڭ چېگرا سىزىقى قىلىنغان. مىسسۇرى شتاتى بۇ سىزىقنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، قۇللۇق شتات قاتارىغا كىرىشكە تېگىشلىك بولغان. 1818-يىلى بۇ شتات ئەركىن شتات سالاھىيىتى بىلەن ئىتتىپاققا كىرىشنى تەلەپ قىلىپ، جەنۇبنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تالاش-تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەڭ ئاخىرىدا، 1820-يىلى «مىسسۇرى مۇرەسسە قانۇن لايىھىسى» ئىمزالىنىپ، مىسسۇئۇرى شتاتىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمدىكى شتات سالاھىيىتى بىلەن ئىتتىپاققا كىرىشى، ماسسا چۇسېت شتاتىدىن مائىن رايونىنى ئايرىپ چىقىپ، ئۇنى ئەركىن شتات سالاھىيىتى بىلەن ئىتتىپاققا كىرگۈزۈش ئارقىلىق، قۇللۇق تۈزۈمىدىكى شتاتلار بىلەن ئەركىن شتاتلار سانىنىڭ تەڭ بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش بەلگىلەنگەن. شىمالىي پاراللېل ′30 °36 نىڭ جەنۇبىي قۇللۇق تۈزۈمدىكى شتاتلار رايونى، ئۇنىڭ شىمالىي ئەركىن شتاتلار رايونى قىلىپ باشقىدىن بېكىتىلگەن. بۇ خىل مۇرەسسە 1854-يىلقى «كانزاس — نېبراسكا قانۇن لايىھىسى» ۋە 1857-يىلقى «سىگېت قانۇن لايىھىسى» تەرىپىدىن بۇزۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا ئېلىپ بارغان. 

مىسقەۋىي

  • مىسقەۋىي[يەشمىسى:]Miskawayh، ؟ — 1030) ئەرەب تارىخشۇناسى. پېرسىيىلىك. بۇيى خاندانلىقى ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ «مىللەتلەرنىڭ تەجرىبىلىرى» ناملىق دۇنيا ئومۇمىي تارىخى ئەسىرى بولۇپ، مىلادى 980-يىلغىچە بولغان ۋەقەلەرنى بايان قىلغان. مەزكۇر ئەسەر ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ زور مىقداردىكى يازما ھۈججەتلىرى قاتارلىق بىرىنچى قول ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ يېزىلغان ھەمدە مۇسۇلمان ھۆكۈمرانلىرىغا قىلچە يوشۇرماستىن ئوچۇق-ئاشكارا ۋە خالىس باھا بېرىش بىلەن مەشھۇر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پەلسەپە، مېدىتسىنا، خىمىيىنىمۇ خېلى تەتقىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېتىكا ۋە كىمياگەرچىلىك توغرىسىدا يازغان ئەسەرلىرى بار.

مىس قورال دەۋرى

  • مىس قورال دەۋرى[يەشمىسى:]ئارخېئولوگىيىدە تاش قورال دەۋرىدىن كېيىن كېلىدىغان بىر دەۋر. بۇ دەۋردە مىس تاۋلاش تېخنىكىسى ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، مىس قوراللار ئىشلىتىلگەن، مىستىن ئۆتكۈر قوراللار ياسالغان. ئادەتتە ئۇ «برونزا دەۋرى» ياكى «برونزا قورال دەۋرى» نى كۆرسىتىدۇ.

مىسكيېۋىچ

  • مىسكيېۋىچ[يەشمىسى:]Adam Mickeiewicz، 1798 — 1855). پولشالىق شائىر، ئىنقىلابچى. زاۋال تاپقان ئۇششاق ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ۋىلنو داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا مەخپىي گۇرۇپپىغا قاتنىشىپ، پولشا دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پائالىيىتى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان. 1819 — 1823-يىللاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1823-يىلى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئىككىنچى يىلى روسىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان، 1839-يىلى روسان داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان، بىر يىلدىن كېيىن فرانسىيە شۆيۈەنىگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ 1848-يىلى رىمدا قوشۇن تەشكىللەپ، ئاۋسترىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. كېيىن پارىژغا قايتىپ كەلگەن. 1852-يىلى ئارسېنال كۈتۈپخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1855-يىلى تۈركىيىگە بېرىپ يەنە قوشۇن تەشكىللەپ چارروسىيىگە قارشى تۇرغان بولسىمۇ، ئۇزۇنغا قالماي ئۆلۈپ كەتكەن. «ياشلىق مەدھىيىسى»، «قوشاق ۋە لەتىپىلەر»، «گراشنا»، «قىرىم ھەققىدىكى ئون تۆت مىسرالىق شېئىر»، «كونراد ۋاللېنرود»، «ئەجدادلار روھىغا زاراخەتمە» (جەمئىي 4 قىسىم بولۇپ، بىرىنچى قىسىمدىن پەقەت پارچىلىرىلا ساقلىنىپ قالغان)، «تادۇش ئەپەندى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

مىسىر Misr

  • مىسىر Misr[يەشمىسى:] نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. «كۈكئارت سىرتىدىكى ئەللەرگە زىيارەت»، «ۋاسساللار تەزكىرىسى»، «يۇەن سۇلالىسى تارىخى. گوكەننىڭ تەرجىمىھالى»، «غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بېرىش خاتىرىسى»، «مىڭ سۇلالىسى تارىخى. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» قاتارلىق جۇڭگو تارىخنامىلىرىنىڭ ھەممىسىدە تىلغا ئېلىنغان. يۇڭلې يىللىرىدا (1403 — 1424) ۋە جېڭتۇڭنىڭ 6-يىلى (1441-يىلى) جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن.

مىسىر (قەدىمكى زامان)

  • مىسىر (قەدىمكى زامان)[يەشمىسى:] ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالى، نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى قەدىمىي دۆلەت. ئەڭ قەدىمكى كونا تاش قوراللار دەۋرىدىلا بۇ يەردە ئاھالە بولغان، ئۇلار خاملار دەپ ئاتالغان، كېيىن غەربىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى سېمتىلار كىرىپ، ئاستا-ئاستا بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. ئارخېئولوگىيە ماتېرىياللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئىپتىدائىي ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى پارچىلىنىشقا قاراپ مېڭىپ، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە سىنىپىي مۇناسىۋەت شەكىللىنىشكە باشلىغان. ئاھالىلەر ئاساسەن سۇغىرىلىدىغان دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، يېزا كوممۇنىسىنى ئۇيۇشتۇرغان، بىرنەچچە كوممۇنا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئايماق بولغان (يۇنانلىقلار «نومۇ» دەپ ئاتىغان)، يۇقىرىقى (جەنۇبىي) تۆۋەنكى (شىمالىي) مىسىرنىڭ ھەر بىرىدە تەخمىنەن 20 دىن شتات بولغان، شتاتلار ئوتتۇرىسىدا دائىم ئۇرۇش بولۇپ تۇرغان. ئەنئەنىۋى سۆزلەرگە قارىغاندا، تەخمىنەن مىلادىدىن 3100 يىل ئىلگىرى، يۇقىرىقى مىسىر ھۆكۈمرانى مېنا تۆۋەنكى مىسىرنى بويسۇندۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن دۆلەتنى دەسلەپكى قەدەمدە ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، ئۇ تۇنجى سۇلالىنىڭ تۇنجى فىرئەۋىنى (پادىشاھى) دەپ قارالغان. ئالدىنقى سۇلالىلىق دەۋرىدە (جۈملىدىن بىرىنچى، ئىككىنچى سۇلالە مەزگىلىدە) ئۇرۇش ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرغان، فىرئەۋىننىڭ ھوقۇقى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيگەن. قەدىمكى سۇلالىلەر دەۋرىدە (جۈملىدىن 3 — 6 سۇلالە مەزگىلى، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 2686 — 2181) فىرئەۋىن باشچىلىقىدا ھوقۇق مەركەزلەشتۈرگەن ھۆكۈمرانلىق تىكلەنگەن، مېمپىس (دېلتىنىڭ جەنۇبىي بۇرجىكى) پايتەخت قىلىنىپ، قوشنا رايونلارغا قارىتا ئۇرۇش قوزغاپ، زېمىن، مال-مۈلۈك ۋە ئاھالە (قۇللار) تارتىۋېلىنغان؛ ئىھرام (فىرئەۋىن قەبرىسى) ياسالغان، بولۇپمۇ تۆتىنچى خاندانلىققا كەلگەندە ئۇنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان؛ كېيىن ئىجتىمائىي داۋالغۇش، خەلق قوزغىلىڭى ئارقىسىدا، ھەرقايسى شتاتلار مۇستەقىل بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن ھالەت بۇزۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن «بىرىنچى ئوتتۇرا دەۋر» گە كىرگەن (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 2181 — 2040). ئوتتۇرا سۇلالىلىق دەۋرى (جۈملىدىن 11، 12-سۇلالە مەزگىلى. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 2133 — 1786) دە: مىسىر يېڭىباشتىن بىرلىككە كېلىپ، ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھاكىمىيەت يېڭىباشتىن قۇرۇلۇپ، تېبېس (يۇقىرىقى مىسىردا) پايتەخت قىلىنغان، فايۇم رايونىدا سۇ ئىنشائاتلىرى ياسالغان، ئىجتىمائىي ئىگىلىك تەرەققىي قىلغان، كەمبەغەللەر بىلەن بايلارنىڭ ئايرىلىشى جىددىيلەشكەن، تەخمىنەن مىلادىدىن 1750 يىل ئىلگىرى، كەمبەغەللەر ۋە قۇللارنىڭ چوڭ قوزغىلىڭى پارتلىغان (كېيىن باستۇرۇلغان)، سۇلالە يەنە بىر قېتىم پارچىلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن «ئىككىنچى ئوتتۇرا دەۋرى» گە كىرگەن (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1786 — 1567)، بۇ چاغدا ئاسىيادىكى كۆچمەن قەبىلە بولغان گېكسوسلار تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، مىسىرغا يۈز يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان. يېڭى سۇلالىلىق دەۋر (جۈملىدىن 18 — 20-سۇلالە دەۋرى، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1570 — 1085) دە يۇقىرىقى مىسىر فىرئەۋىنى ئاھموس Ⅰ مىسىرلىقلارغا رەھبەرلىك قىلىپ گېكسوسلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، 18-سۇلالىنى قۇرغان، يەنىلا تېبېس پايتەخت قىلىنغان. توتموس Ⅲ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1504 — 1450) كۆپ قېتىم تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش قوزغاپ، نۇبىيە، لىۋىيە، پەلەستىن ۋە سۈرىيە ئەتراپىغىچە يۈرۈش قىلىپ، سانسىزلىغان بايلىق ۋە قۇللارنى بۇلىغان. ئامېنخوتېپ Ⅳ ئامېن كاھىنلار كۈچىگە زەربە بېرىدىغان ئىسلاھاتنى ئېلىپ بېرىپ، ئاتوننىڭ بىر خۇدالىق دىنىنى مەجبۇرىي يولغا قويغان، لېكىن مەغلۇپ بولغان. رامسېس Ⅲ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1304 — 1237) كىچىك ئاسىيادىكى ھىتتىت پادىشاھلىقى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، سۈرىيە رايونىغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالاشقان، تەخمىنەن مىلادىدىن 1296 يىل ئىلگىرى (ياكى 1280 يىل ئىلگىرى) ئىككى تەرەپ سۈلھ شەرتنامىسى تۈزگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، مىسىرنىڭ پادىشاھلىق ھوقۇقى ئاجىزلىشىپ، دۆلەتنىڭ ئەھۋالى خارابلىشىپ، ئاخىرى ئۇزاققىچە باشقا مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. ئاخىرقى دەۋردىكى مىسىرنىڭ بىرىنچى باسقۇچى (جۈملىدىن 21—26-سۇلالە دەۋرى، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1085 — 525) مىلادىدىن 945 يىل ئىلگىرى لىۋىيىلىك سېسونىك Ⅰ (She Shonk، مىلادىدىن 945 — 925 يىل ئىلگىرى، تەختتە ئولتۇرغان) ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ، لىۋىيە خاندانلىقىنى قۇرۇپ، مىسىرغا 200 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 730 يىل ئىلگىرى جەنۇبتىكى نۇبىيە پادىشاھى پىئانكى (Piankhi، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 751 — 710) مىسىرنى ئىشغال قىلىپ، نۇبىيە خاندانلىقىنى قۇرغان (يەنى 25-سۇلالىلەرنى قۇرۇپ، ناپاتانى پايتەخت قىلغان). مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى مىسىرنى تەخمىنەن 20 يىل بويسۇندۇرغان ھەم ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن دېلتىدىكى سائىس (Sais) شەھىرىنىڭ ھۆكۈمرانى پىسامېتىك ئەسكەر باشلاپ كېلىپ ئاسسۇرىيە ئىشغالىيەتچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، سائىس خاندانلىقىنى قۇرغان (بىر مەھەل مۇستەقىل بولغان). ئاخىرقى دەۋردىكى مىسىرنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى (جۈملىدىن 27 — 31-سۇلالە دەۋرى، مىلادىدىن ئىلگىرى 525 — 332)، مىلادىدىن 525 يىل ئىلگىرى پېرسىيە ئىمپېرىيىسى (كامبىيىس) مىسىرنى بويسۇندۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىردە پېرسىيە ئىمپېرىيىسى ھالاك بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مىسىردىكى ھۆكۈمرانلىقىمۇ ئاياغلاشقان. مىلادىدىن 332 يىل ئىلگىرى مىسىر يەنە ماكىدونىيىلىك ئىسكەندەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، 3000 يىلغا يېقىن داۋام قىلغان فىرئەۋىن دەۋرىگە خاتىمە بېرىلگەن. مىسىر ئىمپېرىيىسى تارمار بولغان. مىلادىدىن 304 يىل ئىلگىرى پتولېمېي سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان. مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرى ئوكتاۋىئان (ئاۋگۇستۇس) تەرىپىدىن رىم تەۋەسىگە قوشۇۋېلىنغان. قەدىمكى مىسىر دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى، يېزىق، يىلنامە، سەنئەت ۋە پەننىي بىلىم قاتارلىق جەھەتلەردە غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا خېلى تەسىر كۆرسەتكەن. 

مىسىر ئەركىن ئوفىتسېرلار تەشكىلاتى

  • مىسىر ئەركىن ئوفىتسېرلار تەشكىلاتى[يەشمىسى:] مىسىردىكى مىللەتچى ئوفىتسېرلار تەشكىلاتى. 1948-يىلى قۇرۇلغان، ئۇنىڭ رەھبىرى ناسىر، دەسلەپ ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ تولىسى ئوتتۇرا-تۆۋەن دەرىجىلىك ياش ئوفىتسېرلاردىن بولغان. 1950-يىلى ئىجرائىي كومىتېت قۇرغان، ئۇنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى ھەرخىل ئەسكىرىي تۈرلەردە ئومۇملاشتۇرۇلغان. پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1952-يىلى مىسىردىكى ئىيۇل ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىپ، فەرۇق سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ھەمدە بۇ تەشكىلاتنى ئىنقىلابىي يېتەكچىلىك كومىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىپ، ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن. 1953-يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، پادىشاھلىق سىياسىي تۈزۈلمىنى بىكار قىلىپ، پارلامېنت ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن. 1956-يىلى 6-ئايدا يېڭى ئاساسىي قانۇن كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن تارقىتىۋېتىلگەن.

مىسىرشۇناسلىق

  • مىسىرشۇناسلىق[يەشمىسى:]Egyptology) قەدىمكى مىسىر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىكى مىللەتلەرنىڭ تىلى، يېزىقى، تارىخى، مەدەنىيەت-سەنئىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ شەرقشۇناسلىقنىڭ بىر تۈرىگە كىرىدۇ. يىل جەھەتتىن ئالغاندا، نىل دەرياسى بويىدا ئىنسانلار پەيدا بولغاندىن تارتىپ ئەرەبلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى يەنى مىلادى 640-يىلىغىچە بولغان دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن ئومۇمەن مىلادىدىن قەدىمكى سۇلالىلىق دەۋرىدىن تارتىپ ئىمپېراتور ئىسكەندەر مىسىرنى بويسۇندۇرغان (مىلادىدىن ئىلگىرى 332) غىچە بولغان سۇلالىلەر دەۋرىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان. روسېتا ئابىدىسىنىڭ تېپىلىشى ۋە 1822-يىلى فرانسىيىلىك ئالىم چامپوللىئونىنىڭ مىسىر ئېروگېلېف يېزىقىنى يېشىپ بېرىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مىسىرشۇناسلىققا ئاساس سالغان.

مىسىر قەمەرىيە كالېندارى

  • مىسىر قەمەرىيە كالېندارى[يەشمىسى:] قەدىمكى مىسىر يىلنامىسى، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى قەمەرىيە كالېندارى. ھەر يىلى نىل دەرياسىدا تاشقىن باشلانغان، يەنى ئاسمان بۆرىسى بىلەن قۇياش بىر ۋاقىتتا ئۇپۇق سىزىقىدا پەيدا بولغان ۋاقىت يىلنىڭ باشلىنىشى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئۇنىڭدا ھەر يىلى ئۈچ پەسىل (سۇ كېلىش پەسلى، تېرىقچىلىق پەسلى، يىغىم پەسلى) گە بۆلۈنىدۇ، جەمئىي 12 ئاي، ھەر ئاي 30 كۈن، يىل ئاخىرىدا بەش كۈن بايرام كۈنى قوشۇلۇپ، كەبىسە كۈن دەپ ئاتىلىدۇ، ھەممىسى بولۇپ 365 كۈن بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. ھەربىر يىل بىلەن تروپىك يىل ئوتتۇرىسىدىكى پەرق چارەك كۈن بولغان. كېيىن يىلنامە ئۆزگەرتىلىپ، ھەر تۆت يىلدا بىر «كەبىسە كۈن» قوشۇش بەلگىلەنگەن، بۇ يىل «قەرەل يىل» دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىردە قەدىمكى رىمدا مىسىر يىلنامىسى ئاساس قىلىنىپ، يۇلىئۇس كالېندارى ئىشلەنگەن؛ ⅩⅥ ئەسىرگە كەلگەندە يەنە ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق، گېرىگورى كالېندارى بارلىققا كەلگەن، ئۇ كېيىن دۇنيادىكى زور كۆپچىلىك دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان «مىلادى كالېندارى» بولۇپ قالغان.

مىسىرنىڭ 1919 — 1921-يىللاردىكى ئەنگلىيىگە قارشى ھەرىكىتى

  • مىسىرنىڭ 1919 — 1921-يىللاردىكى ئەنگلىيىگە قارشى ھەرىكىتى[يەشمىسى:][埃及一九一九至一九二一年 反 英 运 动] 1919-يىلى 3-ئايدا، مىسىرلىق مىللەتچى زاھلۇل قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى مىسىر خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەنگلىيە قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە مىرنا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتكەن. 1920-يىلى، مىرنا بىلەن زاھلۇل كېلىشىم ھاسىل قىلغان، لېكىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. زاھلۇل قاتارلىقلار يەنە قولغا ئېلىنغان. 1921-يىلى 12-ئايدا مىسىر خەلقى يەنە بىر قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئەنگلىيە 1922-يىلى 2-ئايدا خىتابنامە ئېلان قىلىپ، مىسىرنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان، لېكىن سۇۋەيىش قانىلى رايونىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇش ھوقۇقى ۋە باشقا ئىمتىيازلارنى داۋاملىق ساقلاپ قالغان. 

مىسىر ئېروگېلېفى

  • مىسىر ئېروگېلېفى[يەشمىسى:]قەدىمكى مىسىرلىقلار ئىجاد قىلغان يېزىق، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى يېزىقلىرىنىڭ بىرى. تەخمىنەن مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرى پەيدا بولغان. دەسلەپ ئوخشىتىش شەكلىدىكى سۈرەت بولغان. مەسىلەن، ⊙ = كۈن،  = سۇ،  = نومۇس (شتات) ۋە باشقىلار. كېيىن مەنىنى ۋە ئاھاڭنى بىلدۈرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. يەككە ئاھاڭ بەلگىسى جەمئىي 24. يېزىق شەكلىنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا سۇلالىلىق دەۋرىگە كەلگەندە، ئەڭ دەسلەپكى تەسۋىرىي يېزىقتىن بىر خىل كاھىنلار يېزىقى پەيدا بولغان، مىلادىدىن ئىلگىرى ⅤⅢ ئەسىردە يەنە پۇقرالار يېزىقى مەيدانغان كەلگەن. ئېروگېلىف ئاساسەن كاھىنلار ئىشلىتىدىغان يېزىق بولۇپ، كۆپىنچە دىنىي ئابىدىلەرگە ئىشلىتىلگەن. راھىبلار يېزىقى ۋە پۇقرالار يېزىقى مۇرەككەپ سۈرەت بولماستىن، بىرقەدەر ئاددىي بەلگە بولۇپ شەكىللەنگەن؛ تۈرلۈك بەلگىلەردىن سۆز ھاسىل قىلىنغان، ئۇ جەمئىي 600 دىن ئارتۇق بولۇپ، تولىسى پاپروس قەغەزگە يېزىلغان. قەدىمكى مىسىر يېزىقى تەسۋىرىي شەكىل، مەنىنى بىلدۈرۈشتىن ئېلېپبەلىك يېزىققا قاراپ تەرەققىي قىلغان. لېكىن ھەقىقىي ئېلېپبەلىك يېزىق ھاسىل بولمىغان، پېنچىلار ئاساسەن مىسىرنىڭ 24 تەسۋىرىي شەكىللىك ئاھاڭ بەلگىسى ئاساسىدا، سېمىت تىلىنىڭ 22 ھەرىپىنى ئىجاد قىلغان؛ بۇ كېيىن يۇنان يېزىقى، لاتىن يېزىقى، ئارامىيە يېزىقى قاتارلىق يېزىقلار سىستېمىسىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان.تېغىدا تەركىدۇنيا بولغان. «نەزەر دائىرىسىنى يورۇتۇش كىتابى»، «مەشھۇر دانىشمەنلەرنى كۆزىتىش كىتابى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.