ز🔗

ز

زامبوس

زابېرن ۋەقەسى

زاپاتا

زاپوتوسكى

زاراگوزا شەرتنامىسى

زاسۇلىچ

زاكلۇل

زاگرېب خىتابنامىسى

زاگلۇل

زالدا بېرىلگەن خان يارلىقى

زاما جېڭى

زامانىمىزدىن خاتىرىلەر

زامورا

زاناردېللى

زانزىبار سۇلتانلىقى

زانزىبار ئىنقىلابى

زايمىس

زەپەر دەرۋازىسى

زەردار ئاقسۆڭەك

زەنجان قوزغىلىڭى

زەنخار

زەنگى

زەنگى پولىسلىرى Ⅹ

زەنگىلەر قوزغىلىڭى

زورو ئاستېر

زورو ئاستېر دىنى

زوررىللادې سېن مارتىن

زورلۇق پەرمانى

زوسمۇس

زوكو

زوگۇⅠ

زولا

زويا

زۇرمۇلېن

زۇگۇ خاندانلىقى

زۇڭدەن

زۇلۇ ئۇرۇشى

زۇيچېڭ (موكىيوشى)

زۋىڭلى

زېئالوت قوزغىلىڭى

زېئامى موتوكىيو

زېتكىن

زېگلىر

زېڭ مىن

زېلېز نىكار

زېلىنىسكى

زېمىندارلىق تۈزۈمى

زېنو

زېنو

زېۋىس

زىرنىسكى

زى شىبۇ (مۇراساكى شىكىبى)

زىگمۇنت Ⅱ

زىگمۇنت Ⅲ

زىمبابۈۋى

زېمىن بېگى

زېمىن ۋە ئاھالىنى قايتۇرۇپ بېرىش

زېمىندار

زىنوۋيېۋ

زىياپەت ھەرىكىتى

زىيائۇر راخمان

ئىزاھى

زامبوس

  • زامبوس[يەشمىسى:] ئامېرىكا قىتئەسىدىكى نېگىرلار بىلەن ئىندىئانلاردىن بولغان ئارىلاش قانلىقلار. ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرى ئامېرىكا قىتئەسىدە نېگىر قۇللارنى ساتقاندا، بەزى نېگىرلار ئىندىئانلار تۇرۇشلۇق رايونلارغا قېچىپ بارغان، نېگىرلار بىلەن ئىندىئانلار توي قىلغان، ئۇلارنىڭ ئەۋلادى «زامبوس» دەپ ئاتالغان. ئۇلار ئاساسەن نىكاراگۇئا دېڭىز ياقىسى، برازىلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ بەزى رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، ئىزچىل تۈردە دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيىگە ئۇچرىغان.

زابېرن ۋەقەسى

  • زابېرن ۋەقەسى[يەشمىسى:] 1913-يىلى گېرمانىيە ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالساسې-لوررانې خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلىش ۋەقەسى. گېرمانىيە ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتى نېمىسلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، 1911-يىلى «ئالساسې-لوررانې ئاساسىي قانۇنى»دا مەزكۇر رايوننىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئالساسېدىكى زابېرن (Zabern) شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان.1913-يىلى 11-ئايدا، ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر رايوندا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەن ھەمدە يەرلىك ئاھالىلەرنى تۇتقۇن قىلغان ۋە ئۆلتۈرگەن. بۇ ۋەقە گېرمانىيە خەلقىنىڭ كۈچلۈك غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغاپ، مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى ئاممىۋى ھەرىكەت قانات يايغان ھەمدە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي كۈرىشى بىلەن بىرلىشىپ شىددەتلىك كۈرەش دولقۇنىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. 

زاپاتا

  • زاپاتا[يەشمىسى:]Emilliano Zapata،9191-9781)مېكسىكىدىكى 7191-0191-يىللار ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى جەنۇب دېھقانلىرى قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى. ئىجارىكەش دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1910-يىلى مورېلوس (Morelos) شتاتىدا دېھقانلار كۈرىشىنى قوزغىغان. 1911-يىل 2-ئايدا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى باشلاپ پايتەختكە يۈرۈش قىلىپ، ۋىللا رەھبەرلىك قىلغان دېھقانلار قوشۇنى بىلەن جەنۇب، شىمال تەرەپتىن قىستاپ ھۇجۇم قىلىپ، 5-ئايدا مۇستەبىت دىئازنى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ چەت ئەلگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان.11-ئايدا جەنۇب دېھقانلار ھەرىكىتى مەركىزى بولغان مورېلىيە شتاتىدا ئىنقىلابىي كومىتېت قۇرۇپ، «ئايالا پىلانى»نى ئېلان قىلغان، «يەر ۋە ئەركىنلىك» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دېھقانلارنى قولىغا قورال ئېلىپ يەرلەرنى تارتىۋېلىشقا چاقىرغان. 1913-يىلى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى جەنۇبتىكى ئالتە شتاتنى كونترول قىلىپ، كەڭ تۈردە يەر ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان. كېيىن ۋىللا بىلەن بىرلىكتە خۇئېرتا ئەكسىيەتچى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان ھەمدە بىر مەھەل مېكسىكا شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. لېكىن ھاكىمىيەتنى كاررانزا (Venustiano Carranza،0291-9581) قولغا كىرگۈزۈۋالغان. 1919-يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.

زاپوتوسكى

  • زاپوتوسكى[يەشمىسى:]1) لادىسلاۋ زاپوتوسكى (Ladislav Zapotocky،1852—1916). چېخ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەربابى. تىككۈچى ئائىلىسىدىن چىققان.1873-يىلى پراگادىكى كىيىم تىككۈچى ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1878-يىلى چېخ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1881-يىلى قولغا ئېلىنغان. 1884-يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن پراگادىن قوغلاپ چىقىرىلغان. كلادنو (Kladno) دا ئىنقىلابىي پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇنىڭ «ئۆتكەن ئىشلاردىن تەرمىلەر»، «چېختىكى دەسلەپكى ئىشچىلار ھەرىكىتى توغرىسىدا ئەسلىمىلەر» دېگەن ئەسەرلىرى بار. (2) ئانتونىن زاپوتوسكى (Antonin Zapotocky، 1884 — 1957). چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1953 - 1957). لادىسلاۋ زاپوتوسكىنىڭ ئوغلى.1902-يىلى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1907 — 1910-يىللىرى كلادنو شەھىرىدە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى رايونلۇق تەشكىلاتىنىڭ سېكرىتارى بولغان، 1912-يىلى مۇشۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىككىنچى، تۆتىنچى، ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى قۇرۇلتايلىرىغا قاتناشقان. 1920-يىلى دېكابر ئومۇمىي ئىش تاشلىشىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. 1921-يىلى چېخوسلوۋاكىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.1922 - 1925 -يىللىرى چېخوسلوۋاكىيە كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1925-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان.9391 - 9291-يىللىرى قىزىل ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فاشىستلار تۈرمىسى ۋە جازا لاگىرىغا قامالغان. ئازادلىقتىن كېيىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەركىزىي كومىتېتى مۇدىرىيەتنىڭ رەئىسى بولغان(1945 - 1950). 1948-يىل 2-ئايدا گوتتۋالد بىلەن بىرلىكتە پارتىيە ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ بۇرژۇئازىيىنىڭ سۇيىقەستى (فېۋرال ۋەقەسى) نى تارمار قىلغان، 6-ئايدىن باشلاپ زۇڭلى بولغان. 1953-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ۋاپات بولغانغا قەدەر زۇڭتۇڭ بولغان. ئۇ «قوزغال! يېڭى جەڭچىلەر دەس تۇردى»، «داۋالغۇپ تۇرغان 1905-يىل» ۋە «كلادنوغا قىزىل نۇر چېچىلماقتا» دېگەن رومانلارنى يازغان.

زاراگوزا شەرتنامىسى

  • زاراگوزا شەرتنامىسى[يەشمىسى:] 1529-يىلى پورتۇگالىيە بىلەن ئىسپانىيە ئىككى دۆلەت ئىسپانىيىنىڭ زاراگوزا (Zaragoza) شەھىرىدە ئىمزالىغان شەرتنامە. «پاپا مېرىدىئانى» غا قاراڭ.

زاسۇلىچ

  • زاسۇلىچ[يەشمىسى:]Вера Ивановна Засулич، 9191 - 9481) روسىيە مىنشېۋىكلىرىنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ بىرى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ ئاخىرى نارودنىكلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1879-يىلى «يەرنى قايتا تەقسىم قىلغۇچىلار» غا قاتناشقان.1883-يىلى نارودنىكلاردىن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، پلېخانوۋ بىلەن بىللە «ئەمگەكنى ئازاد قىلىش جەمئىيىتى» نى قۇرغان. ئۇ ئېنگېلسنىڭ «سوتسىيالىزمنىڭ خىيالدىن پەنگە راۋاجلىنىشى»، ماركسنىڭ «پەلسەپە نامراتلىقى» دېگەن كىتابلىرىنى روسچىغا تەرجىمە قىلغان. 1900-يىلى «ئىسكرا گېزىتى» نى تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشقان. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيىدىن كېيىن مىنشېۋىك بولۇپ كەتكەن. سىتولېپىن ئەكسىيەتچىلىكى مەزگىلىدە لىكۋىداتورلارنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا سوتسىيال شوۋېنىزمنى تەرغىپ قىلغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن مىنشېۋىكلارنىڭ «بىرلىككە كەلتۈرگۈچىلەر» نىڭ ئەزاسىغا ئايلىنىپ كېتىپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلابقا دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان. 

زاكلۇل

  • زاكلۇل[يەشمىسى:] يەنى:[HT5SS]«柴鲁尔».

زاگرېب خىتابنامىسى

  • زاگرېب خىتابنامىسى[يەشمىسى:] 1932 — 1933-يىللىرى يوگۇسلاۋىيە مىللەتپەرۋەرلىرى مەملىكەت ئىچىدىكى سىياسىي ۋە مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان ھۈججەت. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: خەلق ھوقۇقى مەسلىكىنى يولغا قويۇش؛ دېھقانلارنى قوغداش؛ سېربىيىنىڭ زومىگەرلىك ئورنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ 1918-يىلدىكى ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ھەر تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىش ئاساسىدا دۆلەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىش، شۇنىڭ بىلەن سېربىيە، كرودىيە ۋە سىلوۋېنىيە مىللەتلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. خورۋاتلار باشچىلىقىدىكى ئون مىللەتپەرۋەر يولباشچى خىتابنامىگە ئىمزا قويغان. خىتابنامە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كرودىيە، سىلوۋېنىيە، ۋويىۋودىنا ۋە بوسىنىيە-گېرىتسېگوۋىنا قاتارلىق جايلاردىكى مىللەتپەرۋەرلەر مىللىي ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشنى ئارقا-ئارقىدىن تەلەپ قىلغان، سېربىيە رادىكاللار پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ئۇلارنى باستۇرغان. 

زاگلۇل

  • زاگلۇل[يەشمىسى:]Sad Zaghlul Basha تەخمىنەن 7291 - 7581) مىسىر مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى. دەسلەپكى يىللاردا ئەزھەر داشۆسىدە ئوقۇغان، 1882-يىلى ئەنگلىيىگە قارشى ئارابى رەھبەرلىكىدىكى ھەرىكەتكە قاتناشقان، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ نەزەربەنت قىلىنغان. 1906 - 1912-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مائارىپ مىنىستىرى، ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان.1914-يىلى قانۇن تۈزۈش يىغىنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1918-يىلى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئەنگلىيىگە بېرىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تولۇق مۇستەقىل بولۇشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە «مىللىي تەلەپلەر ئاساسىي نىزامى» نى تەييارلىغان، ۋافد پارتىيىسىنى تەشكىل قىلغان. 1919-يىلى مالتا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان، 4-ئايدا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، پارىژغا بېرىپ كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەرگە مۇراجىئەت قىلغان. 1920-يىلى 7-ئايدا يەنە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ لوندونغا بېرىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، نەتىجە ھاسىل قىلالمىغان. 1921-يىلى 12-ئايدا يەنە بىر قېتىم قولغا ئېلىنىپ، سېيىشېل تاقىم ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1923-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. شۇ يىلى ۋافد پارتىيىسى بىرىنچى قېتىملىق پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قازىنىپ، زۇڭلى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە بىۋاسىتە سايلامنى ئىككى دەرىجىلىك سايلامنىڭ ئورنىغا قويغان ھەمدە ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ كېتىش ۋە سۈۋەيىش قانىلى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەنگلىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقىتىپ، دۆلەتكە ئاھانەت كەلتۈرىدىغان شەرتنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقتىن، 11-ئايدا خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 

زالدا بېرىلگەن خان يارلىقى

  • زالدا بېرىلگەن خان يارلىقى[يەشمىسى:] «ھەرەمباغ يارلىقى».

زاما جېڭى

  • زاما جېڭى[يەشمىسى:] ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جېڭى. مىلادىدىن 204 يىل ئىلگىرى، رىم دىكتاتورى چوڭ سىپىئو ئافرىكانۇس تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ، ئوستىكاغا يېقىن جايدىن ئافرىقا قۇرۇقلۇقىغا چىققان. كارفاگىن سناتى گاننىبالنى ئىتالىيىدىن قوشۇنلارنى تېز قايتۇرۇپ ياردەم قىلىشقا چاقىرتقان. مىلادىدىن 202 يىل ئىلگىرى، كارفاگىن شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى زاما (Zama) دېگەن جايدا ھەل قىلغۇچ جەڭ بولغان، رىم قوشۇنلىرى نۇمىدىيە سەركەردىسى ماسنىسا (Masinissa) نىڭ ئاتلىق قوشۇنىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئاخىر گاننىبالنى مەغلۇپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ، ئىككىنچى يىلى ئىككى تەرەپ سۈلھ تۈزۈشكەن. 

زامانىمىزدىن خاتىرىلەر

  • زامانىمىزدىن خاتىرىلەر[يەشمىسى:] يەنە بىر ئىسمى «دەۋر تەرتىپى بويىچە تۈزۈلگەن يىلنامە»، قەدىمكى رۇس دۆلىتىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخى توغرىسىدىكى يىلنامە توپلىمى. تەخمىنەن 1113-يىلى كىيېۋ پېچورا مۇناستىرىنىڭ موناخى نېستور (Нестор) Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيانقى كىيېۋسكايا رۇس (Киевская Русь) نىڭ ھەر خىل يىلنامە، خەلق ئارىسىدىكى ھېكايە، پادىشاھ-بەگزادىلەرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ۋىزانتىيە ھەم غەربىي سلاۋىيانلار ھەققىدىكى ھۈججەت قاتارلىقلارغا ئاساسەن تۈزۈپ چىققان. يىراق قەدىمكى زاماندىكى توپان دەۋرىدىن باشلاپ مىلادى Ⅸ ئەسىردىن Ⅺ ئەسىرگىچە بولغان رۇس جەمئىيىتىنىڭ تۇرمۇشىنى ناھايىتى تەپسىلىي تەسۋىرلىگەن. تارىخ، تىل، يېزىقنىڭ كېلىپ چىقىشى، دىن، دۇنياغا بولغان قاراش، جۇغراپىيىۋى بىلىم، سەنئەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر جەھەتلەردىمۇ توختالغان. ئۇسلۇبى ئىخچام ۋە راۋان، بايان قىلىشى جانلىق بولۇپ، قەدىمكى رۇس دۆلىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم تارىخىي ھۈججەت ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بىر مۇنچە رىۋايەتلەرمۇ بار. كېيىن ئۈزلۈكسىز تولۇقلاش ۋە تۈزىتىش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ۋە ئۆزگەرتىۋېتىلگەن بەزى مەزمۇنلارمۇ قوشۇلغان. 

زامورا

  • زامورا[يەشمىسى:]Niceto Alcala Zamoray Torres، 9491 - 7781) ئىسپانىيە زۇڭتۇڭى (6391 - 1391). قانۇن ئوقۇغان. 1903-يىلى مادرىد داشۆسىنىڭ قانۇنشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. 1905-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1917 — 1923-يىللىرى بىناكارلىق قۇرۇلۇش مىنىستىرى، ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى بولغان. رىۋېرا مۇستەبىتلىكىگە ۋە كورۇل ئالفونسو ⅩⅢ نىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. 1930-يىلى قاماققا ئېلىنغان. قويۇپ بېرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولغان. 1931- يىلدىن باشلاپ جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى بولغان. كاتولىك مۇتەئەسسىپلىرى ۋە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. كېيىن سولچىلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا، مۇددىتى توشمايلا خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ فرانسىيىگە كەتكەن، كېيىن ئارگېنتىناغا بارغان. ئۇنىڭ «1931-يىلدىكى ئاساسىي قانۇننىڭ كەمچىلىكى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

زاناردېللى

  • زاناردېللى[يەشمىسى:]Giusepp Zanardelli، 3091 - 6281) ئىتالىيىنىڭ باش ۋەزىرى (3091 - 1091). ئادۋوكات. 1848-يىلىدىكى ئىتالىيە ئىنقىلابىغا قاتناشقان.1860-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئىتالىيە بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن جامائەت قۇرۇلۇش ۋەزىرى. ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى، ئەدلىيە ۋەزىرى بولغان.1888-يىلى يېڭى جىنايى ئىشلار قانۇنىنى تۈزۈپ چىققان. كېيىن يەنە ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1901-يىلدىن باشلاپ باش ۋەزىر بولغان. 

زانزىبار سۇلتانلىقى

  • زانزىبار سۇلتانلىقى[يەشمىسى:] ⅩⅨ ئەسىردىن ⅩⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە شەرقىي ئافرىقىدا ھۆكۈم سۈرگەن سودا شەھەر بەگلىكى دۆلىتى. ⅩⅦ ئەسىردە زانزىبار ئارىلى ئەرەب مەسھىد-ئومان دۆلىتىنىڭ خوجىلىق يېرى بولغان. 1861-يىلى مەسھىد-ئومان دۆلىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇپ، ئاستا-ئاستا كۈچىيىپ، شەرقىي ئافرىقا دېڭىز بويى رايونلىرىنى تىزگىنلەپ، قۇل سودىسى ۋە پىل چىشى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. 1890-يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت بولغان. 1963-يىلى مۇستەقىللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1964-يىلى 1-ئايدىكى ئىنقىلابتا سۇلتانلىق ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. 4-ئايدا تانگانىكا بىلەن قوشۇلۇپ تانگانىكا-زانزىبار بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 10-ئاينىڭ 29-كۈنى نامى تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 

زانزىبار ئىنقىلابى

  • زانزىبار ئىنقىلابى[يەشمىسى:] زانزىبار خەلقىنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش، فېئودال سۇلالنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش يولىدىكى ئىنقىلابى. 1956-يىلى مىللەتپەرۋەرلەر ئافرىقا-شىراز پارتىيىسىنى قۇرۇپ، مۇستەملىكىچىلىك زۇلۇمنى تۈگىتىشنى، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 1963-يىلى قانۇن تۈزۈش يىغىنىدىكى سايلامدا، ئافرىقا-شىراز پارتىيىسى ئازلا ئوشۇق كۆپ ئاۋازغا ئىگە بولغان، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى زانزىبار مۇستەقىل بولغان، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي تۈزۈلمە يەنىلا ساقلاپ قېلىنغان. 1964-يىل 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئافرىقا-شىراز پارتىيىسى ۋە ئۇما پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، زانزىبار خەلقى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، سۇلتانلىق ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، زانزىبار خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان، ئافرىقا-شىراز پارتىيىسىنىڭ يولباشچىسى كارۇمې (Abeid Amani Karume، 1906-1972) زۇڭتۇڭ بولغان. شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى زانزىبار بىلەن تانگانىكا قوشۇلۇپ تانگانىكا-زانزىبار بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىنى تەشكىل قىلغان، 10-ئاينىڭ 29-كۈنى نامى تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 

زايمىس

  • زايمىس[يەشمىسى:]Alexandros Zaimis، 6391 - 5581) گرېتسىيە زۇڭتۇڭى (5391 - 9291). ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. گېرمانىيە ۋە فرانسىيىدە قانۇن ئۆگەنگەن. لوندون، پارىژ ۋە بېرلىندىكى بانكا ساھەسىدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ. كۆپ قېتىم دۆلەتلىك بانكىنىڭ دېرىكتورى بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 10 قېتىم باش ۋەزىر بولغان،1929-يىلدىن باشلاپ جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭى بولغان. 1935-يىلى 10-ئايدا، ئانارخىست فاشىستلارنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشىگە ياردەملىشىپ، پادىشاھلىق تۈزۈمىنى تىرىلدۈرگەن. ۋېنادا ئۆلگەن. 

زەپەر دەرۋازىسى

  • زەپەر دەرۋازىسى[يەشمىسى:]1) قەدىمكى رىمدىكى بىر خىل قۇرۇلۇش. ھەربىي باش قوماندانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي يۈرۈشتىكى غەلىبىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، دائىم رىم شەھىرىدىكى مۇھىم كوچا ياكى رايونلاردا زەپەر دەرۋازىسى ياساتقان؛ بۇ ھەم رىم دۆلىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەربىي مۇۋەپپەقىيىتىنى كۆز-كۆز قىلىشتىكى بىر خىل شەكلى. ئادەتتىكى ئەگمە ئىشىك قۇرۇلمىسىدا ياسالغان بولۇپ، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك، ئۈستى تەرىپىگە باش قومانداننىڭ ئىسمى، ئىش ئىزلىرى ۋە ھەر خىل قاپارتما رەسىملەر ئويۇلغان. قەدىمكى زاماندىكى يازغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە رىم شەھىرىدە جەمئىي 21 زەپەر دەرۋازىسى بولغان. مەسىلەن، مىلادىدىن 121 يىل ئىلگىرى ياسالغان فابىي زەپەر دەرۋازىسى؛ ئىمپېراتور ئاۋگۇست كائېسار مەيدانىدا ياساتقان زەپەر دەرۋازىسى، مىلادى 16-يىلى ئىمپېراتور تىبېرىي گېرمانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندا ياساتقان زەپەر دەرۋازىسى؛ مىلادى 70-يىلى ئاتا-بالا ۋېيپاسىئان بىلەن تىت يەھۇدىيلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن ياساتقان تىت زەپەر دەرۋازىسى (مىلادى 81-يىلى مەرمەر تاش بىلەن ياسالغان، ئېگىزلىكى 20 مېتر كېلىدۇ). ئۇنىڭدىن باشقا ترايان، سېۋېر، كونىستانتىن قاتارلىق ئىمپېراتورلارمۇ زەپەر دەرۋازىسى ياساتقان. تىت بىلەن كونستانتىن زەپەر دەرۋازىسىنىڭ خارابىسى ھازىرغىچە ساقلانماقتا. زەپەر دەرۋازىسى ياسىتىش ھەربىي غەلىبە ئەنئەنىسىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە كېيىنكى دەۋرگىچە داۋاملاشقان. مەسىلەن، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياسالغان فرانسىيىدىكى پارىژ زەپەر دەرۋازىسى. (2) فرانسىيىدىكى ناپولېئون ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە پارىژدا ياسىتىلغان خاتىرە خاراكتېردىكى قۇرۇلۇش. جەمئىي ئىككى: (1) كاروسېل مەيدانىدىكى زەپەر دەرۋازىسى بولۇپ، 1806 - 1809 -يىللىرى ياسالغان، 1871-يىلى پارىژ كوممۇنىسى دەۋرىدە بۇزۇۋېتىلگەن. (2) يۇلتۇز مەيدانىدىكى زەپەر دەرۋازىسى بولۇپ، 1792-يىلدىن بۇيانقى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ياسالغان،1806-يىلى ئىش باشلىنىپ 1836-يىلى پۈتكەن. ئەگمە دەرۋازىنىڭ ئېگىزلىكى 94.45 مېتر، كەڭلىكى 44.28 مېتر، قېلىنلىقى 22.12 مېتر كېلىدۇ. ئۈستى تەرىپى چوڭ تىپتىكى نۇرغۇن قاپارتما نەقىشلەر بىلەن زىننەتلەنگەن، نەققاش رۇدې (Francois Rude، 5581 - 4871) ئويۇپ چىققان پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ يۈرۈش مارشى (يەنى مارسېل مارشى) ئەڭ مەشھۇر. ئەگمە دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىگە زور ئىنقىلابتىن بىرىنچى ئىمپېرىيە دەۋرىگىچە ئۇرۇشقا قاتناشقان 386 نەپەر گېنېرال ۋە ئوفىتسېرنىڭ ئىسمى ئويۇلغان. 1920-يىل 11-ئاينىڭ 11-كۈنى زەپەر دەرۋازىسىنىڭ ئاستىغا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان نامسىز بىر جەڭچى دەپنە قىلىنىپ، ئۈستىگە ئۆچمەس چىراغ يېقىپ قويۇلغان. 

زەردار ئاقسۆڭەك

  • زەردار ئاقسۆڭەك[يەشمىسى:] لاتىنچە Nobilitas دېگەن سۆزنىڭ مەنا تەرجىمىسى. قەدىمكى رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمران قاتلىمى. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا شەكىللەنگەن بولۇپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى پۇقرالار بىلەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈرىشىدە بىر قىسىم ھاللىق پۇقرالار بىلەن كونا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بىرلەشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. ئۇلار كۆپلىگەن يەر مۈلۈككە (جۈملىدىن ئۆزى ئىگىلىۋالغان ئومۇمىي يەرلەر) ۋە كۆپ قۇلغا ئىگە بولۇپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ كەلگەن ھەمدە سىنات (Nobilitas، يەنى «سىنات ئاقسۆڭەكلىرى» دېگەن مەنىسىمۇ بار) نى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئۇلار پۇل مۇئامىلە ئاقسۆڭەكلىرى، رىتسارلار بىلەن بىللە رىم دۆلىتىنىڭ ئىمتىيازلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇپ، رىم ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىغا تەۋە بولغان. ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلغان «ئىچكى ئۆرۇش» تا تازىلاش، قىرىش نەتىجىسىدە، ئادىمى ئازىيىپ، كۈچى زەئىپلەشكەن. رىم ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغاندىن (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا) كېيىن تېخىمۇ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان. يېڭىدىن شەكىللەنگەن ھۆكۈمرانلار قاتلىمى ئۇنىڭ ئورنىنى دەسسىگەن. 

زەنجان قوزغىلىڭى

  • زەنجان قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ⅩⅨئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىراندىكى بابۇددىن مۇخلىسلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق زور قوزغىلىڭى. 1850-يىلى 5-ئايدا موللا مۇھەممەد ئەلى بابۇددىن ئۆز مۇخلىسلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، زەنجان شەھىرىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭغا تەخمىنەن 10 مىڭ ئادەم قاتناشقان بولۇپ، بابۇددىن مۇخلىسلىرىدىن باشقا، يەنە كۆپلىگەن يەرلىك ئاھالىلەرمۇ بار. قوزغىلاڭچىلار شەھەر مەركىزىدىكى قورغاننى ئىشغال قىلغان ھەمدە شەھەر ئىچىدە ئىستىھكام ۋە بارگادىلارنى قۇرۇپ، زەمبىرەك ۋە ئوق دورىلىرىنى ياساپ، پادىشاھ قوشۇنلىرى بىلەن جەسۇرانە جەڭ قىلغان، جەڭگە ھەتتا ئاياللارمۇ قاتناشقان. شاھ ئوردىسى تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇن يۆتكەپ كېلىپ، زەنجان شەھىرىنى ئۇزاققىچە قورشاپ ياتقان، ئاخىر توپ-زەمبىرەكلەر بىلەن شەھەرنى توپقا تۇتۇپ، تۈپتۈز قىلىۋەتكەن. 1850-يىلى 12-ئايدا قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان. 

زەنخار

  • زەنخار[يەشمىسى:] «زەنگى ئىمپېرىيىسى»گە قاراڭ. 

زەنگى

  • زەنگى[يەشمىسى:] «زەنگى ئىمپېرىيىسى»گە قاراڭ. 

زەنگى پولىسلىرى Ⅹ

  • زەنگى پولىسلىرى Ⅹ[يەشمىسى:] ئەسىردىن ⅩⅤ ئەسىرگىچە شەرقىي ئافرىقىدىكى كىلۋا خاندانلىقى مەركەز قىلىنغان دېڭىز بويلىرىدىكى سودا شەھەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. زەنگى پارىسچە (Zenj ياكى Zanj) نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، مەنىسى نېگىر دېگەنلىك. «Zinjhar» ياكى «Zanjhar» نىڭ قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىنىشى، بۈگۈنكى كۈندىكى زانزىبار دېگەن تەرجىمىسى «نېگىرلارنىڭ يېرى» دېگەنلىك. ھەرقايسى شەھەر-بازارلاردا سودا ئاساس قىلىنغان، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قول سانائەت قوشۇمچە قىلىنغان. ئۆزئارا جىددىي رىقابەتلەشكەچكە، بىرلىككە كەلگەن دۆلەت زادىلا شەكىللەنمىگەن. جۇڭگو يۇەن سۇلالىسىدە ئۆتكەن ۋاڭ دايۇەن دېگەن كىشى ئۇ يەرنى زىيارەت قىلغان. جۇڭگو بىلەن ئۇزاققىچە سودا ئالاقىسىنى ساقلىغان. زانزىبار ئارىلى، پېمبا ئارىلى، مافىيە، كىلۋا قاتارلىق جايلاردا جۇڭگو يارماقلىرى ۋە ساپال قاچىلىرى قېزىپ چىقىلغان. 

زەنگىلەر قوزغىلىڭى

  • زەنگىلەر قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] مىلادى Ⅸ ئەسىردە ئىراقتىكى نېگىر قۇللارنىڭ ئەرەب ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. قۇل بازىرى شەرقىي ئافرىقىنىڭ زانزىبار ئارىلىدا بولۇپ، ئەرەبلەر بۇ ئارالنى ئازى-زەنگى دەپ ئاتىغاچقا، نېگىر قۇلنىمۇ زەنگى (Zanji) دەپ ئاتىغان. 869-يىلى، ئىراقنىڭ بەسرە شەھىرى ئەتراپىدىكى شورلۇق يەردە ئىشلىگۈچى نېگىر قۇللار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، بۇ قوزغىلاڭغا دېھقانلار ۋە بەدىۋىيلەردىن بولۇپ نەچچە 10 مىڭ كىشى قاتناشقان. قوزغىلاڭنىڭ يولباشچىسى، ئىسلام دىنى خاۋارجلار مەزھىپىنىڭ مۇرىتى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد (Ali Ibn Muhammad) ئىدى. ئۇ ئۆزىنى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتاپ، دىيانەتسىز خەلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشقا چاقىرغان؛ نېگىر قۇللارمۇ خەلىپە بولالايدۇ دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن خەلىپە ئەۋەتكەن جازا يۈرۈش قوشۇنىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان ھەمدە ئەلمۇقتارا (Al mukh tarah، «تاللانغان» مەنىسىدە) نى پايتەخت قىلغان. 871-يىلى، بەسرە شەھىرىنى ئېلىپ، ئىراقنىڭ جەنۇبى قىسمىنى تىزگىنلىۋالغان ھەمدە ئىراننىڭ خوزىستانغا ھۇجۇم قىلغان. 878-يىلى ۋاسىت (wasit) شەھىرىنى ئېلىپ، باغداد شەھىرىگە قىستاپ كەلگەن. خەلىپىلىككە قاتتىق تەھدىت سالغان. بىراق فېئودال خوجىدارلارنىڭ يېرىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ سەردارلىرى مۇنبەت يەرلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان، دېھقانلارنىڭ ئۈستىدىكى باج-سېلىق بىكار قىلىنمىغان، قۇللۇق تۈزۈممۇ بىكار قىلىنمىغان. ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئاتاپ، قوزغىلاڭنى ئاممىۋى ئاساستىن مەھرۇم قىلغان. كېيىن ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ نايىبى، خەلىپىنىڭ ئىنىسى مۇۋەپپەق (Muwaffaq Al) زور قوشۇن تەشكىللەپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغان. 1883-يىلى، موقتارا قولدىن كېتىپ، ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئۆلتۈرۈلگەن. قوزغىلاڭ باستۇرۇۋېتىلگەن. بىراق بۇ قوزغىلاڭ ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا زەربە بېرىپ، ئىمپېرىيىنىڭ گۇمران بولۇشىنى تېزلەتكەن. 

زورو ئاستېر

  • زورو ئاستېر[يەشمىسى:]Zoroaster، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 155 - 826) زورو ئاستېر دىنىنىڭ كەشپىياتچىسى. «زورو ئاستېر» قەدىمكى پارىس تىلىدا زاراتۇسترا (Zarathustra) دېگەن سۆز بولۇپ، مەنىسى «قېرى تۆگە» دېگەنلىك. ئۇنىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى ھەر خىل گەپلەر بار. بىر ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ مېدىيە رايونىدا تۇغۇلغان، كاھىنلىق قىلغان. 30 يېشىدا زوروئاستېر دىنىنى كەشپ قىلغان. دەسلەپ مۇرىتلىرى كۆپ بولمىغان، كېيىن باكتېرىيە پادىشاھى ۋىستاپپا (Vishtappa) نىڭ قوللىشى بىلەن مۇرىتلىرى كۆپەيگەن ھەمدە پېرسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىچە كېڭەيگەن. «بىدئەتلەر» بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئۆلگەن. ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ۋەز-نەسىھەت خاتىرىسى كېيىن زوروئاستېر دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى («ئاۋېستا») بولۇپ قالغان. 

زورو ئاستېر دىنى

  • زورو ئاستېر دىنى[يەشمىسى:] يەنى ئاتەش دىنى ياكى پېرسىيە دىنى. رىۋايەت قىلىنىشىچە ئۇنى ئىرانلىق ئەۋلىيا زورو ئاستېر كەشپ قىلغان، قەدىمكى ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپىغا تارالغان. ئاخۇرا مازدا (Ahura Mazda) غا چوقۇنغان، لېكىن بۇت ياسىمىغان، ئىبادەتخانا سالمىغان. «ئاۋېستا» ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى دىنىي رىۋايەت، ئەمرىمەرۇپ، مەدھىيە، دۇئا-تىلاۋەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ دىنىي ئەقىدىسى: ئالەمدە ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن ئىبارەت ئىككى خىل كۈچنىڭ كۈرىشى بولۇپ تۇرىدۇ، ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان ئاخۇرامازدا (يۇنان تىلىدا ئورمۇزد، Ormuzd) ياخشىلىق ۋە يورۇقلۇققا ۋەكىللىك قىلىدۇ، جىن-ئالۋاستىلار پىرى ئانگرا مانيۇ (يۇنان تىلىدا ئاخرىمان، Ahriman يەنى ئەھرىمەن) يامانلىق ۋە قاراڭغۇلۇققا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ ياخشىلىق بىلەن يورۇقلۇق ئاخىرى يامانلىق بىلەن قاراڭغۇلۇق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ، ئوت بولسا ياخشىلىق بىلەن يورۇقلۇقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي مۇراسىمى «مۇقەددەس ئوت» قا ئىبادەت قىلىش بولۇپ، بارلىق چوڭ دۇئا-تىلاۋەت ئىشلىرىدا مۇقەددەس ئوت ياقىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا دارىئۇس Ⅰ زوروئاستېر دىنىنى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت دىنى، ئاخۇرا مازدانى ئالىي ئىلاھ ھەمدە مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەتنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ بېكىتكەن. ماگۇس (Magus) مۇشۇ دىننىڭ كاھىنىنىڭ نامى. زورو ئاستېر دىنى كېيىنكى ۋاقىتتىكى خرىستىئان دىنىنىڭ شەكىللىنىشىگە مەلۇم تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىن جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە جۇڭگوغا كىرگەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە چاڭئەندە (مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا) ئىبادەتخانا قۇرۇلغان، ئۇ ئاتەش دىنى، ئاتەشپەرەسلىك دەپ ئاتالغان. بۈگۈنكى كۈندە ئىراننىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا ۋە ھىندىستاندىكى بومبايدا ئاز ساندىكى ئاتەشپەرەس مۇرىتلىرى بار. 

زوررىللادې سېن مارتىن

  • زوررىللادې سېن مارتىن[يەشمىسى:]Juan Zorrilla de San Martin، 1391 - 7581) ئوراگۋايلىق شائىر. يازغۇچى، سىياسىي ئوبزورچى. ئادۋوكات، پروفېسسور، پارلامېنت ئەزاسى، دىپلومات قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. گېزىت تەسىس قىلىپ ھۆكۈمەتنى سۆككەنلىكتىن ئارگېنتىنادا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. ئۇزاق ۋاقىت تەرجىمىھال، سىياسىي ئوبزور ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ «ۋەتەن ھەققىدىكى رىۋايەتلەر» دېگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك داستانىدا مىللىي مۇستەقىللىك مەدھىيىلەنگەن، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى تەشۋىق قىلىنغان. «تابارې» دا ئىندىئان ئارىلاش قېنىدىن بولغان ياش تابارېنىڭ ئىسپان قىزى بولانكا بىلەن بولغان مۇھەببەت پاجىئەسى تەسۋىرلەنگەن، ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭلا خېلى تەسىرى بار. 

زورلۇق پەرمانى

  • زورلۇق پەرمانى[يەشمىسى:] ئەنگلىيە 1774-يىلى بوستون چاي پارتىيىسى دېلوسىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئېلان قىلغان باستۇرۇش پەرمانى. شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكىسىدىكى خەلق ئۇنى «چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان پەرمان» دەپ ئاتىغان. مەزمۇنى: (1) بوستون پورتىنى قامال قىلىپ، چاينى تۆكۈۋېتىشتىن كۆرۈلگەن زىياننى تۆلەپ بېرىشتىن ئىلگىرى سودا قىلىشقا رۇخسەت قىلماسلىق؛ (2) ماسساچۇسېت ئاپتونومىيە نىزامى ۋە شتات ئاساسىي قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئەنگلىيە بىۋاسىتە باشقۇرۇش؛ (3) 1765-يىلقى گازارما نىزامىدا بەلگىلەنگەن ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ تۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئەركىن ھالدا تۇرۇشقا ئۆزگەرتىش؛ (4) ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرى جىنايەت ئۆتكۈزسە، ئەنگلىيە ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىش، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى بولماسلىق؛ (5) «كۇئېبېك (Quebec) نىزامى» نى تۈزۈش. بۇ پەرماننىڭ ئېلان قىلىنىشى ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

زوسمۇس

  • زوسمۇس[يەشمىسى:]Zosimus) مىلادى Ⅴ ئەسىردىكى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تارىخچىسى. 6 جىلدلىق «يېڭى تارىخ» ناملىق ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاۋگۇستنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋرىدىن تارتىپ، مىلادى 410-يىلى غەربىي گوتلارنىڭ رىم شەھىرىنى ئىشغال قىلغىنىغا قەدەر بولغان تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. كۆپ خۇدالىق دىنغا چوقۇنىدىغان رىم ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، خرىستىئان دىنىغا قارشى تۇرغان. مەزكۇر دىننىڭ تارقىلىشى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ خارابلىشىشىنى تېزلەتكۈچى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رىم ئىمپېراتورى كونستانتىنوپول(ئۇ مىلادى 313-يىلى خرىستىئان دىنىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان) بىلەن تېئودوستۇس (ئۇ مىلادى 392-يىلى خرىستىئان دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن) قا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلغان. 

زوكو

  • زوكو[يەشمىسى:] ياپونىيىدىكى قەدىمكى زاماندىكى ھەر خىل قول سانائەتچىلەر گۇرۇھى. ئورنى شنابىدىن تۆۋەنرەك بولۇپ، قارا خەلق دەپ قارىلىدۇ، تۈرى ۋە سانى ئازراق. ئالايلۇق، مەركىزىي ئىشلار ۋازارىتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا قەغەزچىلىك زوكوسى، قورال-ياراق ۋازارىتىنىڭ قورال-ياراق مەھكىمىسىدە پارچە-پۇرات ئىشلار زوكوسى، مېتالچىلىق مەھكىمىسىدە مېتال تاۋلاش زوكوسى قاتارلىقلار بار. ئاساسەن، پايتەخت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، جايلارغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقانلارمۇ بار. قەرەللىك ھالدا، مەلۇم ساندا ئادەم چىقىرىپ، ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ، يەر تەقسىم قىلىپ بېرىشنىڭ ئوبيېكتىمۇ قىلىنغان لېكىن ھەربىي خىزمەت ئۆتەشتىن خالاس قىلىنغان. تېخنىكىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئورنى بارا-بارا ئۆسۈپ بارغان. مىلادى 744-يىلى، ماگەن زوكوسى ۋە قورال-ياراق ياساش ھەم مېتال تاۋلاش مەھكىمىلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بىر قىسىم زوكولار تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، لېكىن كېيىن بەزىلىرى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. «نوبۇيوشى نىزامى» غا ئاساسلانغاندا، ياغاچچىلار كارخانىسى مېتال تاۋلاش زوكوسى، ئاتچىلىق زوكوسى، قورال-ياراق ئىسكىلاتى، ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار زوكوسى، تەشۋىقات-تەرغىبات زوكوسىدىن ئىبارەت تۆت خىلى بولغان. مېتالچىلىق زوكوسىدىكىلەرنىڭ ئورنى پۇقرالارنىڭكىگە ئوخشاش دېگۈدەك بولغان. 

زوگۇⅠ

  • زوگۇⅠ[يەشمىسى:]Ahmed Bey Zogu، 1691 - 5981) ئالبانىيە زۇڭتۇڭى (8291 - 5291)، زوگۇ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى (9391 - 8291). ئالبانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ماتى (Mati) رايونىدا تۇغۇلغان، تاغلىق رايوندىكى بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ نەۋرىسى. كونستانتىنوپول ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاۋسترىيە قوشۇنىغا قاتنىشىپ ئۇرۇش قىلغان. 1920-يىلى، لوشىنجا قۇرۇلتىيىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرلىكىگە تەيىنلىگەن. 2291 - 1291-يىللىرى يەنە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن ھەمدە ئۆكتىچىلەرنى باستۇرغان.2291- 4291-يىللىرى زۇڭلىلىققا تەيىنلىنىپ، ھاكىممۇتلەقلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشىلىقىغا ئۇچراپ، يوگۇسلاۋىيىگە قېچىپ بېرىۋالغان. كېيىن ئەكسىلئىنقىلابى قوراللىق كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ، تىرانانى تارتىۋېلىپ، نولى (Fan Stylian Noli، 5691 - 2881) دېموكراتىك ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 1925-يىل 1-ئايدا ئالبانىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، زۇڭتۇڭ، قوشۇمچە زۇڭلى ۋە ھەربىي قىسىملارنىڭ باش قوماندانى بولغان. زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، دېموكراتىيىگە قارشى سىياسەت ئىجرا قىلىپ، مىللىي ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتنىڭ رەھبەرلىرىنى ئۆلتۈرگەن؛ كۈچلۈك دۆلەتلەرگە قارىتا تەسلىمچىلىك سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان، ئىتالىيە بىلەن قۇللۇق خاراكتېردىكى «ئىتالىيە ئالبانىيە دوستلۇق-بىخەتەرلىك شەرتنامىسى»، «ئىتتىپاقداش مۇداپىئە شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. 1928-يىلى 9-ئايدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئالبانىيىنى پادىشاھلىق دۆلەت دەپ ئېلان قىلىپ، زوگو سۇلالىسى خاندانلىقىنى قۇرۇپ، ئۆزى پادىشاھ بولغان. ئىچكى جەھەتتە «ئىسلاھات» نى يولغا قويۇپ، بۇرژۇئا خاراكتېرلىك ھەق تەلەپ، جىنايى ئىشلار، سودا قاتارلىق قانۇنلارنى ۋە يەر ئىسلاھاتى قانۇنىنى ئېلان قىلغان. ئەمەلىيەتتە يەنىلا چوڭ پومېشچىكلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان؛ سىرتقا قارىتا جاھانگىرلارغا داۋاملىق تەسلىمچىلىك قىلغان. 1939-يىلى 4-ئايدا فاشىستلار ئىتالىيىسى ئالبانىيىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ئەنگلىيىگە قېچىپ بېرىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن خاندانلىق ئاخىرلاشقان. 

زولا

  • زولا[يەشمىسى:]Emile Zola، 1840- 1902) فرانسىيىلىك ناتۇرالىست يازغۇچى. ئىنژېنېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىك ۋاقتىدا ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئائىلىسى نامراتلىشىپ، خىزمەتچى بولغان. ياش ۋاقىتلىرىدا ئەدەبىياتقا ھەۋەس باغلاپ، بالزاكقا چوقۇنغان. دەسلەپكى ئىجادىيىتىدە رومانتىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، كېيىنچە تاينېنىڭ (Taine) ھەل قىلغۇچ نەزەرىيىسىنىڭ تەسىرىگە ۋە كرود بېرنانىڭ ئېرسىيەت تەلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ناتۇرالىزملىق ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەرىيىسىنى تەشەببۇس قىلغان. 1863 — 1893-يىللىرى چوڭ ھەجىملىك رومان «رۇكۇن ماكار جەمەتى» نى يازغان، پۈتۈن ئەسەر 20 قىسىم بولۇپ، ئىككىنچى ئىمپېرىيە دەۋرىدىكى بىر جەمەتنىڭ تەبىئىي تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي تارىخىدىن ئىبارەت، ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى تەسۋىرلىنىپ، ئۇنىڭ ناتۇرالىزملىق ئىجادىيەت نەزەرىيىسى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، شۇنىڭدەك يەنە تەنقىدىي رېئالىزم خاھىشىغىمۇ ئىگە بولغان. كېيىن يەنە «ئۈچ شەھەر» ناملىق ترولوگىيىنى يازغان(1894- 1898). 1894-يىلى درېيفۇس ۋەقەسىدە دېموكرات ئىلغار كۈچلەر تەرىپىدە تۇرۇپ «مېنىڭ شىكايىتىم» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ چىقىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يولسىز ھۆكۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرگەندە، زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، سەرگەردان بولۇپ ئەنگلىيىگە كەلگەن. 3091 - 9981-يىللىرى ئارىلىقىدا «تۆت ئىنجىل» نى يازغان. ئاخىرقى مەزگىللەردە يازغان ئەسەرلىرىدە ئوتۇپىيىلىك ئىسلاھ قىلىش ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلغان. ئۇنىڭ 50 توملۇق ئەسەرلەر توپلىمى بىلەن 42 توملۇق ئەسەرلەر توپلىمى بار. 

زويا

  • زويا[يەشمىسى:]Зоя Анатольевна Космодемьянская، 1491 - 3291) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئايال قەھرىمانى، كومسومول. فاشىست گېرمانىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئۇ 1941-يىلى 10-ئايدا پارتىزانلار ئەترىتىگە قاتنىشىپ، دۈشمەن ئارقا سېپىدە پارتىزانلىق ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. 1941-يىلى 11-ئايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، قىيىن-قىستاققا ئېلىنىپ قاتتىق ئۇرۇلغان بولسىمۇ تىز پۈكمىگەن. 11-ئاينىڭ 29-كۈنى موسكۋا شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى پېترروسوۋ يېزىسىدا دارغا ئېسىلغان. ئۆلگەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى دەپ نام بېرىلگەن. 

زۇرمۇلېن

  • زۇرمۇلېن[يەشمىسى:]Hermynia Zur Muhlen، 1591 - 3881) ئاۋسترىيىلىك ئايال يازغۇچى. ۋېنادا ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدە دادىسى بىلەن بىللە ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بارغان. درېيفۇس (Drey Fus) نى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1905-يىلى فرانكفۇرت باسما زاۋۇتىدا ئىشلەپ، ئىشچىلارنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشقان.1920-يىلى گېرمانىيە پرولېتارىياتىنىڭ ئەدەبىيات پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1924-يىلى «ساقچى كارل.مىللې» دېگەن پوۋېستىنى يازغانلىقتىن، ۋېيمار جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن «ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلەنگەن. 1933-يىلى ناتسىستلار پارتىيىسى ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، ۋېناغا قايتىپ كەلگەن. كېيىن ئۇزاققىچە چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. ئۇنىڭ «كىچىك پېترنىڭ دوستلىرى ئېيتقان ھېكايىلەر»، (يەنە بىر تەرجىمىسى «كىچىك پېتر»)، «ھەقىقەت قورغىنى»، «گىلەم توقۇغۇچى ئەلى»، «بۇتخانا»، «زورچاق»، «كۆلەڭگىدىكى بىر يىل» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار.

زۇگۇ خاندانلىقى

  • زۇگۇ خاندانلىقى[يەشمىسى:] 9391 - 8291-يىللىرى زۇگۇ Ⅰ ئالبانىيىدە قۇرغان پومېشچىك بۇرژۇئا ھاكىمىيىتى. 1928-يىلى 9-ئايدا، سابىق ئالبانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى زۇگۇ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، پادىشاھلىق دۆلەت قۇرغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئىتالىيە ئالبانىيىنى ئىشغال قىلىۋالغان، زۇگۇ ئەنگلىيىگە قېچىپ بېرىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن خاندانلىق ئاخىرلاشقان. 

زۇڭدەن

  • زۇڭدەن[يەشمىسى:] ۋيېتنام لى سۇلالىسىنىڭ سانغۇنى. سۇڭ شىنىڭنىڭ 8-يىلى (1075-يىلى) لى چاڭجې بىلەن 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ جۇڭگونىڭ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشې ئۆلكىلىرىنىڭ چېگرىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. زۇڭدەن يوڭجۇ ئايمىقى (ھازىرقى نەننىڭ) نى قورشىۋالغان، يوڭجۇ ئايمىقىدىكى باقاۋۇل سانغۇن سۇجەن قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلغان. ئىككىنچى يىلى زۇڭدەن سېپىلغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندىن كېيىن ئوت قويۇپ، ئاھالىلەرنى دەھشەتلىك تۈردە قىرغىن قىلغان. 

زۇلۇ ئۇرۇشى

  • زۇلۇ ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ئەنگلىيە-زۇلۇ ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1879-يىلى ئەنگلىيە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى زۇلۇلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇش. زۇلۇلار بانتۇ مىللىتىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا زۇلۇ خانلىقى بولۇپ بىرلىككە كەلگەن. 1837- 1867-يىللىرى، ئەنگلىيە ۋە بۇر مۇستەملىكىچىلىرى زۇلۇلارغا جەنۇب ۋە شىمالدىن كۆپ قېتىم قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، نۇرغۇنلىغان پىل چىشى ۋە مال-چارۋىلىرىنى بۇلاپ كەتكەن. 1878-يىلى زۇلۇلارنىڭ سەردارى سېتشىۋايو (Cetshwaye) ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى رەت قىلغان. 1879 -يىلى 7-ئايدا ئەنگلىيە ئۇرۇش قوزغاپ، ئۇرۇندىدا زۇلۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، زۇلۇلاندنى 13 كىچىك بەگلىككە بۆلۈۋەتكەن. 1887-يىلى زۇلۇلاندنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىپ، ئۇنى ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت دەپ رەسمىي جاكارلىغان. 1897-يىلى بۇ يەر ناتالغا قوشۇۋېتىلگەن. 

زۇيچېڭ (موكىيوشى)

  • زۇيچېڭ (موكىيوشى)[يەشمىسى:]767 - 822) ياپونىيە تيەنتەي مەزھىپىنىڭ پېشۋاسى. ئېيتىلىشىچە جۇڭگولۇق كۆچمەننىڭ ئەۋلادى ئىكەن. ئومى شىگا ۋىلايىتى (ھازىرقى شىگا ناھىيىسى) دە تۇغۇلغان، فامىلىسى مىتسۇ كامى، كىچىك ۋاقتىدىكى ئىسمى خىرونو. مىلادى 783-يىلى ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، 785-يىلى شەرقىي چوڭ ئىبادەتخانىغا بېرىپ راھىب بولغان ۋە بىروڭ تېغىغا چىقىپ دۇئا-ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن نېيگوڭ فېڭشۇ بىلەن قويۇق باردى-كەلدى قىلىشىپ، راھىب جيەنجېن ياپونىيىگە ئېلىپ بارغان بۇددا نومىنى كۆچۈرۈۋېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان، تيەنتەي مەزھىپىنى مەدھىيىلىگەن. 797-يىلى نېيگوڭ فېڭنىڭ 10 نەپەر ئۇستازى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. 804-يىلى (ياپونىيە يەنلىنىڭ 23-يىلى، تاڭ سۇلالىسى جېنيۇەننىڭ 20-يىلى) فۇجىۋارا نومارو بىلەن بىللە تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن (765- 818). جېجياڭنىڭ تيەنتەي تېغىدا شيۇ چەنسى ئىبادەتخانىسىدىكى داۋجۇ، فۇلوڭسى ئىبادەتخانىسىدىكى شىڭمەنلەردىن تيەنتەي مەزھىپىنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىنى ئۆگەنگەن، كېيىن يەنە تەيياۋدىكى لىڭيەنسى ئىبادەتخانىسىدا خوپىيە مەزھىپىنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئىككىنچى يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. 806-يىلى ياپونىيىنىڭ تيەنتەي مەزھىپىنى بەرپا قىلىپ، بىروڭشەن تېغىدا ماھايانا پەرھىز پەشتىقى ياساشنى تەكلىپ قىلغان، ئەمما نارا دىنىي ئۆمىكىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. باشقا مەزھەپلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىش ئۈچۈن، «شيەن جېلۇن» دېگەن كىتابنى يازغان. ئۇ ئۆلۈپ 7 كۈندىن كېيىن، پەرھىز پەشتىقىنى ياساشقا رۇخسەت قىلىنغان. دىن تارقاتقۇچى چوڭ ئۇستاز دېگەن نام ئالغان. يەنە «دۆلەت چېگرىسىنى ساقلاش توغرىسىدا»، «پاساھەتلىك جۈملىلەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

زۋىڭلى

  • زۋىڭلى[يەشمىسى:]Ulrich Zwingli ياكى Huldreich Zwingli، 1351 - 4841) شۋېتسارىيە دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. ھاللىق دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بېرن، ۋېنا ۋە بازېلدا ئوقۇغان. 1506-يىلى شۋېتسارىيە گلاروس (Glarus) شتاتىدىكى كاتولىك چېركاۋىنىڭ ساكېردوسى بولغان. مىلان كىنەزىنىڭ شۋېتسارىيە ياللانما قوشۇنىدىكى پوپ سۈپىتىدە ئىتالىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1519-يىلى سىيۇرىختا دىنىي ئىسلاھات پائالىيىتىگە كىرىشكەن. ئۇ «ئىنجىل» نى ئاساس قىلىپ، كاتولىك چېركاۋىنىڭ مەرتىۋە تۈزۈمى، گۇناھتىن ساقىت قىلىش بېلىتى، بۇتقا چوقۇنۇش، مىسسىئونېرلارنىڭ ئەمرىمەرۇپى ۋە بويتاقچىلىق ھەمدە باشقا چاكىنا قائىدە-يوسۇنلىرىغا قارشى تۇرغان، ئۇ قۇرغان چېركاۋلاردىكى پوپ مۇرىتلار سايلىمى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. 1522-يىلى پاپا بىلەن ئاشكارا ئادا-جۇدا بولغان. شۇ يىلى ئۆزىنىڭ دىنىي ئەقىدىسىنى شەرھلىگەن «67 ماددىلىق پروگرامما» نى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىي كۆز قارىشى ياللانما ئەسكەر تۈزۈمىگە، جازانە ۋە يانچىلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ، ئۇششاق خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى قوغداشتىن ئىبارەت. ئۇ تەشەببۇس قىلغان پروتېستانت دىنى شۋېتسارىيىنىڭ شەھەر شتاتلىرىدا ناھايىتى تېزلا قوبۇل قىلىنغان، يېزا شتاتلىرىدىكى ئاقسۆڭەكلەر بولسا ئۇنىڭغا قاتتىق قارشى تۇرغان. نەتىجىدە ئىچكى ئۇرۇش كېلىپ چىققان.1531-يىل 10-ئاينىڭ 11-كۈنى كاپپېل (Kappel، سيۇرىخ شتاتىدا) جېڭىدە ئۆلگەن. 

زېئالوت قوزغىلىڭى

  • زېئالوت قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] 9431 - 2431-يىللىرى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تېسسالونىكا (Thessalonica ھازىرقى سالونىكا [Salonika] گرېتسىيىدە) شەھىرىنى مەركەز قىلىپ قوزغالغان خەلق قوزغىلىڭى، قاتناشقۇچىلار «زېئالوت» (Zealot «قىزغىن مۇئامىلىلىكلەر»، يەنە بىر ئېيتىلىشتا «خەلق دوستلىرى» دېگەن مەنىدە ئىكەن) دەپ ئاتىلىدىغان رادىكاللارغا مەنسۇپ بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1342-يىلى قوزغىلاڭچىلار ئاممىسى تېسسالونكا شەھىرىنى ئىگىلەپ، ئۇنى شەھەر جۇمھۇرىيىتى قىلىپ ئۆزگەرتكەن، لېكىن ھاكىمىيەت يۇقىرى تەبىقىدىكى سودا-سانائەتچىلەر ۋە كىچىك فېئوداللارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. ئۇلار يوشۇرۇن ھالدا چوڭ فېئوداللار بىلەن مۇرەسسەلەشمەكچى بولغان. 1345-يىلى زېئالوتنىڭ تۆۋەن تەبىقىسىدىن بولغان ئاندرې پالېئولوگۇس ۋە گېئورگې كوگالنىڭ رەھبەرلىكىدە يەنە يېڭىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شەھەرنىڭ پۈتكۈل ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىگەن. ئارقىدىن بىر مۇنچە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغان. ئالايلۇق، دىنىي جەمئىيەت، موناستىر ۋە چوڭ فېئوداللارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى نامرات دېھقانلارغا بۆلۈپ بەرگەن؛ يانچىلارنى ئازاد قىلغان؛ نامراتلارنىڭ جازانىخورلاردىن ئالغان قەرزىنى بىكار قىلغان؛ باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، خەلقنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتكەن؛ شەھەر جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى پۈتكۈل شەھەر ئاھالىسى قاتناشقان خەلق يىغىنى سايلاپ چىققان. ۋىزانتىيە پادىشاھى يوھاننېس Ⅵ (كانتا كۇزېن) بۇنىڭدىن ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ، ھېچنېمىگە قارىماي تۈركىيىلىكلەردىن ياردەم سورىغان. بۇنىڭ بىلەن 1349-يىلى تېسسالونىكانى ئىگىلەپ، قوزغىلاڭنى باستۇرغان. 

زېئامى موتوكىيو

  • زېئامى موتوكىيو[يەشمىسى:]3441 - 3631 Zeami Motokiyo) ياپونىيىنىڭ مورۇماچى مەزگىلىدە «نېڭيۆ» تىياتىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرگۈچى. كىچىك ۋاقتىدىكى ئىسمى قورۇ، چوڭ بولغاندىن كېيىن زىئامىتا مىنامى دەپ ئاتالغان. 1401-يىلىدىن كېيىن زىئامىتابا دېگەن تەخەللۇسنى قوللانغان (ئادەتتە زېئامى موتوكىيو دەپ ئاتىلىدۇ). ئاتىسى زىئامى چىنىسى يامابودا (بۈگۈنكى نارا ناھىيىسىدە) يۈەنلې تىياتىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1374-يىلى ئاتىسى سەھنىگە چىقىپ رول ئالغاندا، سىياگون ئاشىكاگا يوشىمىتىسۇنىڭ قەدىرلىشىگە نائىل بولغان. 1384-يىلى ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن، ياماتودا يۈەنيۆ ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرغان، ئۇنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نېڭيۆنى ئىجاد قىلغان ھەمدە ئۆزى ھەرخىل قوشاقلارنى توقۇغان. 1408-يىلى ئاشىكاگا يوشىمىتسۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ئاشىكاگا يوشىمىتىنورى (1394 - 1441) نىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىغا ئۇچراپ، سادو ئارىلىغا سۈرگۈن قىلغان. يوشىمىتىنورى ئۆلگەندىن كېيىن ئاسىترتتىن پايتەختكە يېنىپ كەلگەن. ئۇ يازغان «قەلەندەر تەزكىرىسى»، «قېرىلىق كۆزەينىكى» قاتارلىقلار مەشھۇر نېڭيۆ ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

زېتكىن

  • زېتكىن[يەشمىسى:]Clara Zetkin، 3391 - 7581). گېرمانىيە ۋە خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى ئاتاقلىق ئايال پائالىيەتچى. سوتسىيالىستىك ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. ئەسلى ئىسمى كلارا ئېسسىنېر (Clara Eissner). ۋېيدى دەريا ۋادىسىدىكى فېدىلورنىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. لېيپىسېگ شەھىرىدىكى سىمىت قىزلار سىفەن شۆيۈەنىدە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1882-يىلى پارىژغا بېرىپ، پارىژدا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، روسىيىلىك ئوسىپ سېتكىن (Осип Цеткин، ؟ 9881 -) بىلەن توي قىلغان. 1889-يىلى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇش يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈشكە ھەمكارلاشقان. 7191 - 2981-يىللىرى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ئايال ئىشچىلار ئۈچۈن نەشىر قىلغان «باراۋەرلىك» گېزىتىنىڭ تەھرىرى بولغان. 1910-يىلى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ كوپېنھاگېندا ئۆتكۈزۈلگەن سوتسىيالىستىك ئاياللار قۇرۇلتىيىدا دۇڭكىر بىلەن بىللە 8-مارتنى باراۋەرلىكنى ۋە تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش بويىچە خەلقئارا ئاياللارنىڭ جەڭگىۋار بايرىمى قىلىشنى تەكلىپ قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بېرنىشتېيىن رېۋىزىئونىزمىغا ۋە سوتسىيال شوۋىنىزمىغا قارشى كۈرەش قىلىپ، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال سولچى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 1916-يىلى سپارتاك ئىتتىپاقى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1918-يىلى گېرمانىيە كومپارتىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1920-يىلدىن ئېتىبارەن پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1921-يىلى ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋە ئىجرائىي كومىتېت ئەزاسى، ھەيئەت رىياسىتى ئەزاسى بولۇپ، خەلقئارا ئاياللار ھەرىكىتىدە تەشكىلاتچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1932-يىلى 8-ئايدا گېرمانىيە پارلامېنتىدا فاشىستلارغا قارشى مەشھۇر نۇتۇق سۆزلىگەن؛ 10-ئايدا موسكۋاغا بارغان.ئىككىنچى يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى كېسەل بولۇپ ۋاپات بولغان. قىزىل مەيدانغا دەپنە قىلىنغان. «لېنىننى ئەسلەش»، «لېنىننىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئاياللارغا بەرگەن ۋەسىيىتى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

زېگلىر

  • زېگلىر[يەشمىسى:]Karil Ziegler، 3791 - 8981) گېرمانىيىلىك خىمىك. ھېسسېن ئوبلاستىنىڭ كاسسېل دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئىلگىرى-كېيىن ھېيدېلبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى، خاررې ئۇنىۋېرستېتى ۋە ئاخىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1943-يىلى ۋىلھېلىم خانلىق تەتقىقات ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى ماكىس پىلانكى تەتقىقات ئىنىستىتۇتى رور ئۆلكىسى كۆمۈر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. ئەركىن رادىكالنى تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلىپ، ئورگانىك ئىشقارىي مېتاللار بىرىكمىسى ۋە ئالكىل لىتىي ئارقىلىق زېگلېر كاتالىزاتورىغا ئىگە بولغان. بۇ كاتالىزاتورنى قوللىنىپ 1953-يىلى تۆۋەن بېسىملىق ئېتىلېن پولىمېرلىنىشىنى كەشپ قىلغان. 1963-يىلى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. 

زېڭ مىن

  • زېڭ مىن[يەشمىسى:]؟ 356 - ) سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدە جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇغان ياپونىيىلىك راھىب. جۇڭگو مۇھاجىرىنىڭ ئەۋلادى. مىلادى 608-يىلى (تۈگو خاندانلىقىنىڭ 16-يىلى، سۈي خاندانلىقى دايىنىڭ 4-يىلى) سۈي خاندانلىقىغا ئەۋەتىلگەن ئەلچى ئونو ئىموكو بىلەن بىللە جۇڭگوغا كەلگەن.632-يىلى (شۇمىڭ تېننونىڭ 4-يىلى، تاڭ خاندانلىقى جېڭگۇەننىڭ 6-يىلى) ياپونىيىگە قايتىپ كەتكەن. ئوقۇش مەزگىلىدە ئۇ بۇددا ئىلمىنى ئۆگەنگەندىن باشقا يەنە پالچىلىقنىمۇ ئۆگەنگەن. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن مەكتەپ ئېچىپ، ناكاتومى كاماتارى، سوگا ئىروكا(؟ — 645) قاتارلىقلارغا «پالنامە» نى ئۆگەتكەن. تايكا ئىسلاھاتىدا دۆلەت دوكتۇرى بولغان. سەككىز ۋازارەت، يۈز ئەمەل تۈزۈمىنى تۈزۈشكە قاتناشقان. 

زېلېز نىكار

  • زېلېز نىكار[يەشمىسى:]Franze Zeleznikar، 3091 - 3481) يۇگوسلاۋىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەربابى. ئۇزاق ۋاقىت فرانسىيىدە تۇرغان. 1871-يىلى پارىژ كوممۇنىسىنىڭ كۈرىشىگە قاتناشقان. كېيىن ۋەتىنىگە قايتقان. 80-يىللارنىڭ باشلىرىدا ليوبلىيانادا ئىشچىلار مائارىپى جەمئىيىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1884-يىلى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئون يىل جاپالىق ئەمگەككە سېلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان. 1892-يىلى قاماقتىن چىققاندىن كېيىن، ئىشچىلار ھەرىكىتىگە يېڭىباشتىن كىرىشكەن. 1896-يىلى يۇگوسلاۋىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتناشقان. 

زېلىنىسكى

  • زېلىنىسكى[يەشمىسى:]Николай Дмитриевич Зелинский، 3591 - 1681) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ئالىم. 1889-يىلى نوۋوروسسىكى داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1893-يىلىدىن تارتىپ موسكۋا داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1911-يىلى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل مائارىپ سىياسىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان. سوۋېت ھاكىمىيىتى يىللىرىدا، يېڭىباشتىن مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ ئورگانىك كاتالىز ساھەسىنى تەتقىق قىلغۇچى ئىلمىي ئېقىمنى بەرپا قىلىپ، نېفىتتىن تۈرلۈك كاربوگىدراتلار ئېلىش (بىرىكمە بوياق، سۈنئىي كاۋچۇك، سۇلياۋ ۋە تىببىي دورا قاتارلىقلارغا كېرەكلىك خام ئەشيا) ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا ئاقسىل خىمىيىسى تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان، ئاكتىپ كۆمۈرنى زەھەردىن ساقلىنىش ماددىسى قىلىش (زېلىنىسكى-كومانت زەھەردىن ساقلىنىش قالپىقى) نى ھەممىدىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان. 

زېمىندارلىق تۈزۈمى

  • زېمىندارلىق تۈزۈمى[يەشمىسى:]Zamindari Settlement) ئەنگلىيە ھىندىستاندا يولغا قويغان يەر بېجى تۈزۈمى. «تۇراقلىق زېمىندارلىق تۈزۈمى» ۋە «تۇراقسىز زېمىندارلىق تۈزۈمى» دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. 1793-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ئېلان قىلىپ، بېنگال، بىخار ۋە ئورىسسا قاتارلىق جايلاردا يولغا قويغان. «زېمىندارلارنىڭ مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىدىغان يەر ئىگىلىرى ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان»، «زېمىندارلارنىڭ ئۆزىنىڭ 1790-يىلدىكى يەر بېجىنىڭ 90 پىرسەنتكە تەڭ كېلىدىغان باجنى يەرنىڭ ئالىي ئىگىسى بولغان مۇستەملىكىچى دائىرىلەرگە تاپشۇرۇشى بەلگىلەنگەن. بۇ يەر ئىجارىسى «مەڭگۈلۈك» قىلىپ تۇراقلاشتۇرۇلغان. بۇ تۇراقلىق زېمىندارلىق تۈزۈمى ياكى تۇراقلىق يەر بېجى تۈزۈمى بولۇپ، يەنە مەڭگۈلۈك يەر ئىجارىسى تۈزۈمى دەپمۇ ئاتالغان. 1822-يىلدىن كېيىن ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇرغۇن جايلاردا «تۇراقسىز زېمىندارلىق تۈزۈمى» يولغا قويۇلغان. باج سوممىسى ھەر 03 - 52 يىلدا بىر قېتىم ئۆزگەرتىلگەن. زېمىندار يەر بېجىنى ۋاقتىدا تاپشۇرالمىسا، يەر سېتىۋېتىلگەن. بۇ تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلۇشى زېمىندارلارنىڭ دېھقانلار ئۈستىدىكى دەھشەتلىك زۇلۇمنى ئېغىرلاشتۇرغان. بىر قىسىم زېمىندارلار باجنى تۆلەپ بولالماي ۋە قەرزنى قايتۇرۇپ بولالماي ۋەيران بولغان. يەرلەر ئاستا-ئاستا ھايانكەشلەرنىڭ ۋە جازانىخور سودىگەرلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەن. ماركس تۇراقلىق يەر بېجى تۈزۈمىنى ئەنگلىيە چوڭ يەر ئىگىدارلىقى تۈزۈمىنىڭ قوپال كۆچۈرۈلمىسى دەپ كۆرسەتكەن. 

زېنو

  • زېنو[يەشمىسى:]Zeno، 194 - 624) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى (194 - 474). تەختكە چىقىشتىن ئىلگىرى كىچىك ئاسىيادىكى ئىسائۇرىيە (Isauria) قەبىلىسىنىڭ باشلىقى بولغان، ئەسلى ئىسمى تاراسىكودىسسا (Tarasicodissa). كېيىن پادىشاھ لېئو Ⅰ نىڭ كۈيئوغلى بولۇپ، ئىسمىنى زېنوغا ئۆزگەرتكەن. تەختكە چىقىپ ئىككى يىلدىن كېيىن، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى مۇنقەرز بولۇپ (476-يىلى) رىمنىڭ بىردىنبىر پادىشاھى بولغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى چوڭ يەر ئىگىلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، بېقىندى دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرنى تاشلاپ كېتىشىنى چەكلىگەن؛ ئالاھىدە ئىجارە ئېلىش توختامنامە قانۇنىنى ئېلان قىلىپ، يەرنى ئىجارىگە بېرىش مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتكەن؛ يېزا جامائەسىدىكى ئەركىن دېھقانلارنى ساقلاپ قېلىپ، بۇلارنى ئىمپېرىيىنىڭ باج ۋە ئەسكەر مەنبەسى قىلغان؛ دىنىي جەمئىيەتنىڭ بىرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىر خىسلەتچىلەر بىلەن ياراشقان؛ مىلادى 484-يىلى سامارىيە (Samaria، ھازىرقى پەلەستىندە) دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا شەرقىي گوتلارنىڭ باشلىقى تېئودورىكنى قوشۇن باشلاپ ئىتالىيىنى بويسۇندۇرۇشقا كۈشكۈرتكەن. شۇنداق قىلىپ، سىرتنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتكەن. 

زېنو

  • زېنو[يەشمىسى:]1) (Zenon ياكى zeno (Elea)تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 488-مىلادىدىن بۇرۇنقى 430). قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. جەنۇبىي ئىتالىيىنىڭ ئېلېئا (Elea) دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇستازى پارمېندې بىلەن بىللە ئېلېئا ئېقىمىنىڭ ۋەكىلى بولغان. ئەپلاتوننىڭ «پارمېندې توغرىسىدا» دا خاتىرىلىنىشىچە، زېنو پارمېندې بىلەن بىللە ئافىناغا بېرىپ، بىر قېتىملىق بۈيۈك پان ئافىنا (Пан афинён) بايرىمى (تەخمىنەن مىلادىدىن 448 يىل ئىلگىرى) غا قاتناشقان، شۇ چاغدا ئۇ 40 ياشتا ئىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تىران ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن، بۇ ئىشتا ئۇ بەكمۇ باتۇرلۇق قىلغانىكەن. ئۇنىڭ تەبىئەتنى مۇھاكىمە قىلغان ئەسەرلىرىدىن بۈگۈنكى كۈندە بەزى پارچىلىرىلا ساقلىنىپ قالغان. زېنونىڭ يېڭى تەلىمات ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى پارمېندېنىڭ «مەۋجۇدىيەت نەزەرىيىسى» نى ئاقلىغانلىقىدىن نامى چىققان. ئۇ بارلىق ھەرىكەتنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىنكار قىلغان. زېنونىڭ ھۆكۈملىرىدىن «ئاكىللېس بىلەن تاشپاقا» ۋە «ئۇچۇۋاتقان ئوق مىدىرلىمايدۇ» دېگەنلەر دائىم تەتبىقلىنىدۇ. زېنو ئاكىللېس (Achilleus، يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى قەھرىمان، يۈگۈرۈش ماھىرى) بىلەن تاشپاقا مۇسابىقىلىشىپ، تاشپاقا ئاكىللېستىن بىرقەدەر ئىلگىرى بولىدىغانلا بولسا، ئاكىللېس تاشپاقىغا مەڭگۈ يېتىشەلمەيدۇ، دەپ قارىغان. بۇ زېنونىڭ ھەرىكەت توغرىسىدىكى تۆۋەندىكىدەك قىياسىنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ قىياس مۇنداق: «بىر نىشانغا قاراپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان نەرسە، ئالدى بىلەن، شۇ نىشانغا يېتىپ بېرىشتىكى مۇساپىنىڭ يېرىمىدىن ئۆتىدۇ. ۋەھالەنكى مۇساپىنىڭ يېرىمىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن، جەزمەن يېرىمىنىڭ يېرىمىدىن ئۆتۈش لازىم. مۇشۇ بويىچە پەرەز قىلىۋېرىدىغان بولسا چەكسىز داۋاملىشىۋېرىدۇ». ئۇنىڭ «ئۇچۇۋاتقان ئوق مىدىرلىمايدۇ» دېگىنى ئېتىلغان ئوق مىدىرلىمايدۇ، دېگەننى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر، چۈنكى ئۇنىڭ نەزەرىدە، ئوق مەلۇم بىر دەقىقىدە مەلۇم بىر نۇقتا ئۈستىدە تۇرىدۇ، مۇشۇ چاغدا ئۇنىڭ جىمجىت بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، سانسىز جىمجىت نۇقتىلارنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى يەنىلا جىمجىتلىققا باراۋەر بولىدۇ. زېنو سەزگۈ ئەزالىرى تەجرىبىسىدە ئاكىللېسنىڭ تاشپاقىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئېتىلغان ئوقنىڭ ھاۋادا ئۇچىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەس، بەلكى ئۇ، ئاساسەن، بۇ ھادىسە ۋە بارلىق ھەرىكەت ھادىسىلىرىنى ئەقىل ئارقىلىق ئىگىلىگىلى ۋە ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلار قانداقلا بولمىسۇن ھەقىقىي ئەمەس، دېگەننى چۈشەندۈرمەكچى. زېنو ئۆزىنىڭ ھۆكۈمى ئارقىلىق ھەرىكەتنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىنكار قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن، ئوبيېكتىپ جەھەتتە دەل ھەرىكەتنىڭ زىددىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى، يەنى ھەرىكەتنىڭ ماھىيىتى (زامان ۋە ماكاندا) ئۈزلۈكسىزلىك بىلەن ئۈزۈلمىلىك (ئۈزۈلۈپ قېلىش) نىڭ بىرلىكى ئىكەنلىكى؛ ئۈزۈلمىلىك نىسپىي، ئۈزلۈكسىزلىك مۇتلەق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. زېنو دەل زىددىيەتنىڭ مۇشۇنداق بىرلىكىنى ئاجرىتىۋېتىپ، زىددىيەتنىڭ بىر تەرىپىنى مۇتلەقلەشتۈرۈپ، يەنە بىر تەرىپىنى ئىنكار قىلىدىغان كاززاپلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەرىكەتنى ئىنكار قىلغان. ئارىستوتېل زېنونى «دىئالېكتىكا» (مۇنازىرىلىشىش تاكتىكىسى) نى ياراتقۇچى دەپ ئاتىغان. (2) (zenon ياكى zeno [Citium]، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 336 — 264). سىپرۇس ئارىلىنىڭ سىتىئۇم (sitium) دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ستوئىكچىلىققا ئاساس سالغۇچى. ياش ۋاقتىدا سودىگەرچىلىك قىلغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر قېتىملىق دېڭىز سەپىرىدە خەتەرگە يولۇقۇپ مال-مۈلكىدىن ئايرىلىپ، ئافىناغا كېلىپ، پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. كۇنىكوئى (kunikoi) چىلاردىن كراتې (Crates)، مېگارا (Megara) چىلاردىن ستىلپو (stilpo) ۋە ئەپلاتون ئېقىمىدىن شېنوكرات (Xenocrates) ھەمدە پولېمو (Polemo) لارنى ئۇستاز تۇتقان. ئارىستوتېلنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرىغان. تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 294-يىلى ئافىنا مەيدانىدىكى تاملىرىغا رەسىم سىزىلغان ئۇزۇن كارىدور (stoa Poikile) ئاستىدا مەكتەپ ئاچقان، شۇنىڭ بىلەن ستوئىك ئېقىمى (ستوئا) يەنى «رەسىملىك كارىدور مەزھىپى» مەيدانغا كەلگەن. زېنو تەبىئەت پەلسەپىسى ۋە ئېتىكا پەلسەپىسى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، «ياخشى ئەخلاق» قا يېتىشنى ئەڭ ئاخىرقى نىشان قىلغان. ئۇ ھېراكلىتنىڭ تەلىماتىغا ئەگىشىپ، ئالەمنىڭ ئىپتىدائى پەقەت ئوت، كېيىن ئوتتىن ھاۋا، سۇ، توپا ئاپرىدە بولغان؛ بارلىق جىسىملار مۇشۇ تۆت خىل ئاناسىردىن تەركىب تاپقان (ئوت — بۇلارنىڭ ئاساسى)؛ ئاناسىرلارنىڭ ئارىلىشىشى ۋە ئوتنىڭ ئوينىغان رولى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، جىسىملار بىر-بىرىدىن پەرق قىلىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ چىنلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ھېسسىي بىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن، شۇڭا ئۇنىڭدا ساددا ماتېرىيالىزملىق ئىدىيە بولغان. «ئادەمنىڭ تەبىئىتى توغرىسىدا» (يوقىلىپ كەتكەن) دا «تەبىئەتكە ئۇيغۇنلىشىپ» (ياكى تەقدىرگە بويسۇنۇپ) ياشىغاندا، «ئەخلاقىي مىجەز بويىچە» ياشىغاندا، كىشىلەرنى ياخشىلىققا باشلىغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. زېنو ئۆزىنىڭ دۆلەت توغرىسىدىكى ئەسەرلىرى (يوقىلىپ كەتكەن) دە «شەھەر دۆلەتلىرى» ئىدىيىسىدىن ۋاز كېچىپ، «دۇنياۋى دۆلەت» قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. پلاتونغا ئوخشاشلا، ئەقىللىق كىشىلەر «خوتۇن ئومۇملۇقى» دا بولۇش لازىم، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانمىش. 

زېۋىس

  • زېۋىس[يەشمىسى:]Zeus) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىسىدىكى ئەڭ ئالىي ئاسمان خۇداسى. رىم ئەپسانىسىدە يۇپىتېر (Jupiter) دەپ ئاتىلىدۇ. كىرونوس بىلەن رېيەنىڭ ئوغلى. چوڭ بولغاندا ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن بىرلىشىپ كىرونوسنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئۇكىلىرى پوسېيدون، خادېسلار بىلەن دۇنيانى تەڭ بۆلۈشۈپ زېمىن ۋە ئاسمانغا (پوسېيدون بىلەن خادېس دېڭىز ئوكيانلار ھەم باقىي ئالەمگە) ئىگىدارچىلىق قىلغان. يۇناننىڭ شىمالىدىكى ئولېمپىيە تېغىدىكى كاتتا ئوردىدا پادىشاھلارچە ھەشىمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن. خوتۇنى ھېرا (سىڭلىسى) شۇنىڭدەك باشقا مەبۇدىلەردىن كۆپلىگەن پەرزەنت كۆرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇرۇش خۇداسى ئارىس، ئوت خۇداسى گېپىستوس، قۇياش خۇداسى ئاپوللون، دانالىق مەبۇدىسى ئافىنا، مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك مەبۇدىسى ئافرودىت، ئاي مەبۇدىسى ھەم ئوۋچىلىق مەبۇدىسى ئارتېمىس، سودا-ساياھەت خۇداسى ھېرمېس قاتارلىقلار بار. ئىلاھلار بىلەن ئىنسانلار دۇنياسىدا تەڭداشسىز ئالىي ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، «خۇدالار ئاتىسى ۋە ئادەمزاتلار پادىشاھى» دەپ ئاتالغان؛ گۈلدۈرماما ۋە چاقماق ئۇنىڭ ئاساسلىق قورالى، شۇنداقلا تەڭرى قۇدىرىتىنىڭ سىمۋولى. ئۆزى خالىغانچە بالايىئاپەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ، بەخت-سائادەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ، تەۋەككۈلچىلەرنى بولسا رەھىمسىزلىك بىلەن جازالايدۇ. يەنى ئادەملەرگە ئاسماندىن ئوت ئوغرىلاپ بەرگەن پىرومىتېنى كاپكاز تېغىغا بەنت قىلىۋەتكەن. قەدىمكى يۇنانلىقلار زېۋىسقا ئاتاپ ياسىغان ئىبادەتخانىلار ئىچىدە جەنۇبىي يۇناننىڭ ئېلىستىكى ئولېمپىيە (Olympia) ۋە شىمالىي يۇناننىڭ ئېپرۇستىكى دودونا (Dodona) دېگەن ئىككى جايدىكى كاتتا ئىبادەتخانا ئەڭ مەشھۇر ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى كىشىلەر «ئولېمپىيە تېغىدىكى زېۋىس» دېگەن سۆز بىلەن يۈكسەك ئىمتىيازغا ئىگە بولۇشنى تەسۋىرلىگەن. 

زىرنىسكى

  • زىرنىسكى[يەشمىسى:]Nicholas Zrinski، 1620 — 1664) ۋېنگرىيە بىلەن كرودىيىنىڭ باش قوماندانى، شائىر. 1647 — 1664-يىللىرى كرودىيىنىڭ گوبېرناتورى بولغان. 1663 — 1664-يىللىرى تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشتا قوراللىق قىسىمنى ئۇيۇشتۇرۇپ، تاجاۋۇزچىلار قوشۇنىغا زەربە بەرگەن. «پادىشاھ ماتېرىك ھەققىدىكى ئەسلىمە»، «تۈركىيىنىڭ ئالدامچىلىقىغا قارشى تەربىيە ئۇسۇلى» ۋە «سىگوتتىكى قەھرىمان» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار ھەمدە تۇنجى قېتىم ۋېنگر تىلىدا ھەربىي ئىلمىي ماقالە يازغان. 

زى شىبۇ (مۇراساكى شىكىبى)

  • زى شىبۇ (مۇراساكى شىكىبى)[يەشمىسى:]978 — 1016) ياپونىيە پىڭئەن دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئايال ئەدىب. ئەسلى ئىسمى نامەلۇم، زى شىبۇ ئوردىدىكى ئايال ئەمەلدارلارنىڭ خىزمەت نامىدىن ئىبارەت. ئۇ فۇجىۋارا تامېتوكىنىڭ قىزى بولۇپ، كىچىكىدە دادىسىدىن شېئىر يېزىشنى ئۆگەنگەن. فۇجىۋارا نورىئاكىغا ياتلىق بولغان، 1001-يىلى (چاڭباۋنىڭ 3-يىلى) ئۇنىڭدىن تۇل قالغان ھەمدە «ئەلمىساقتىن قالغان غارايىباتلار» رومانىنى يېزىشقا كىرىشكەن. 1005-يىلى (كۇەنخۇڭنىڭ 2-يىلى) ئوردىغا كىرىپ، تېننو يىتياۋنىڭ ھەرىمىدىكى فۇجىۋارا كىمىنى كۈتكۈچى بولغان. ئوردىدا «مۇراساكى شىكىبى كۈندىلىك خاتىرىسى» (1008-يىلى كۈزدىن 1010-يىلىنىڭ بېشىغىچە) نى يازغان.

زىگمۇنت Ⅱ

  • زىگمۇنت Ⅱ[يەشمىسى:]Zygmont Ⅱ Augustus، 1520 — 1572) پولشا ياگېللون خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى (1548 — 1572). تەختتىكى مەزگىلىدە، لىۋونىيە ئۇرۇشىغا ئارىلىشىپ، لىۋونىيە رىتسارلىرى پولكىنىڭ روسىيىگە قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. 1569-يىلى پولشا بىلەن لىتۋا ليۇبلىن شەھىرىدە قوشۇلۇش شەرتنامىسى («ليۇبلىن بىرلىشىشى» گە قارالسۇن) ئىمزالاپ پولشا-لىتۋا پادىشاھلىقىنى قۇرغان. دەسلىپىدە پولشانىڭ دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنى قوللاپ، بۇ ئارقىلىق پادىشاھ ھوقۇقىنى كۈچەيتمەكچى بولغان، كېيىن بۇرۇلۇپلا رىم كاتولىك دىنىغا تايانغان. 

زىگمۇنت Ⅲ

  • زىگمۇنت Ⅲ[يەشمىسى:]ZygmuntⅢ Waza، 1566 — 1632) پولشا كورۇلى (1587 — 1632). شۋېتسىيە كورۇلى جون Ⅲ نىڭ ئوغلى. تەختكە چىققاندىن كېيىن، پولشا-شۋېتسىيە ئىتتىپاقى تۈزۈپ، روسىيىگە بىللە قارشى تۇرماقچى بولغان. 1592-يىلى قوشۇمچە شۋېتسىيە كورۇلى بولغان (1594-يىلى پادىشاھلىق تاجىنى كىيگەن)، لېكىن دىنىنى ئۆزگەرتىپ پروتېستانت دىنى (شۋېتسىيە پروتېستانت دىنىغا ئىشىنەتتى) غا كىرىشنى رەت قىلغانلىقتىن، 1599-يىلى قالدۇرۇلغان. كېيىن پولشا بىلەن شۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىغان (1600—1611،1621— 1629)، 1609 — 1618-يىللىرى روسىيىگە قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزگەن، 1610-يىلى ئوغلى ۋلادىسلاۋ (كېيىن ۋلادىسلاۋ Ⅳ دەپ ئاتالغان) روسىيە چار پادىشاھى دەپ ئېلان قىلىنغان. 

زىمبابۈۋى

  • زىمبابۈۋى[يەشمىسى:] بۈيۈك زىمبا-بۈۋى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئافرىقىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى زىمبابۈۋىنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى تاشتىن ياسالغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ خارابىسى. زىمبابۈۋى (Zimbabwe) يەرلىك شونا تىلىدا «تاش شەھەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ 1868-يىلى تېپىلغان بولۇپ، زىمبابۈۋىنىڭ فورت ۋىكتورىيە شەھىرىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىدىن 27 كىلومېتر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان. بۇ جايدا كۆلىمى ئوخشاش بولمىغان دائىرىدە جەمئىي 300 دىن ئارتۇق تاش شەھەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگە بولغىنى زىمبابۈۋى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئوردا، بۇتخانا، ساراي، مۇنار قاتارلىق تاشتىن ياسالغان قۇرۇلۇشلار بار. تاشقى شەھەر ۋە ئىچكى شەھەر دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. تاشقى شەھەر تەخمىنەن ئېگىزلىكى 120 مېتر كېلىدىغان گرانت تاغنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، شەھەر سېپىلىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 10 مېتر، قېلىنلىقى 5 مېتر، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 240 مېتردىن كۆپرەك كېلىدۇ، ھەممىسى چىرايلىق يونۇپ سىلىقلانغان زور گرانت تاشلاردىن قوپۇرۇلغان. ئىچكى شەھەر تاغ ئېتىكىدىكى جىلغا ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، قىياغا يۆلەپ سېلىنغان ئېللىپس شەكىللىك قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت. شەھەر ئىچىدە ئېگىزلىكى 15 مېتر كېلىدىغان كونۇسسىمان تاش مۇنار بار. قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يۈزىدە قۇش شەكىللىك بەلگە ۋە ئويمىلار بار. بۇ يەردىن تېپىلغان جۇڭگونىڭ فار فور بۇيۇملىرى كاربون-14 بىلەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شەھەرنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنى Ⅹ ئەسىردىن ⅩⅧ ئەسىرگىچە بولغان مەزگىل دەپ ھۆكۈم قىلىنغان ھەمدە شەھەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مۇئانومۇتا پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان دەپ جەزم قىلىنغان. كېيىن، روزۋىيلار (Rozvi) تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان.ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەھەر ۋەيران قىلىنغان. قەدىمكى شەھەرنىڭ ئەتراپىدا يەنە قەدىمكى دەۋردىكى پەلەمپەي ئېتىزلار، ئېرىق-ئۆستەڭلەر، قۇدۇق ھەمدە تۆمۈرچىلىك سايمانلىرى بىلەن ساپال قاچا، ئالتۇن بۇيۇملار، ئەينەك شارچىلار قاتارلىق مەدەنىي يادىكارلىقلار تېپىلغان. 

زېمىن بېگى

  • زېمىن بېگى[يەشمىسى:] ياپونىيە كاماكۇرا شوگناتى تۆرە زېمىنى ۋە قورۇقلاردا تەسىس قىلغان قورۇقچى. خبىئان مەزگىلىدە، زېمىن بېگى يەر ئاچىدىغان پومېشچىكلارنى كۆرسەتكەن. 1185-يىلى مىناموتو يورىتومو گېنگى كيۇنى قوغلاپ تۇتۇشنى باھانە قىلىپ، مۇھاپىزەتچى ۋە زېمىن بېگى تەسىس قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ، تۈزۈمگە ئايلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ ھوقۇقى يەرلەرنى باشقۇرۇش، يىللىق باج-سېلىق يىغىش، ئامانلىقنى ساقلاش ھەمدە قوشۇمچە لەشكىرىي ئوزۇق-تۈلۈك يىغىش بىلەن چەكلەنگەن. 1221-يىلدىكى ئۇكېفىسا توپىلىڭىدىن كېيىن، ئوردا تۆرىلىرى ۋە سامۇرايلارنىڭ 3000 دىن ئارتۇق قورۇق مۇسادىرە قىلىنىپ، بۇلارغا ئايرىم-ئايرىم زېمىن بېگى تەسىس قىلىنغان. ئەسلىدىكى زېمىن بەگلىرى «بۇرۇن تەيىنلەنگەن زېمىن بەگلىرى» دەپ، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زېمىن بەگلىرى «يېڭىدىن ئىلتىپات قىلىنغان زېمىن بەگلىرى» دەپ ئاتالغان. زېمىن بەگلىرى ئەسلىدە قورۇق ئىگىلىرىدىن يىللىق ئىش ھەققى ئېلىپ تۇرغان، كېيىن بۇ قورۇق ئىگىلىرىگە بەلگىلىك مىقداردا يىللىق ھەق تۆلەشكە ئۆزگەرتىلىپ، قورۇق ئىگىلىرىنىڭ مەنپەئىتى تارتىۋېلىنغان. قورۇقچى زېمىن بېگى تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشى ئارقىسىدا، كاماكۇرا شوگناتنىڭ تەسىر كۈچى كانتو رايونىدىن ھالقىپ چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى كونترول قىلغان. كاماكۇرانىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە زېمىن بېگى قورۇقنى ئۆز ئىلكىدە تۇتىدىغان خوجىدارغا ئايلىنىپ، قورۇق تۈزۈمىنى ساقلاشقا ئۇرۇنغان شوگناتلار بىلەن قارىمۇ قارشى بولۇپ،جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەر مەزگىلىدىكى توپىلاڭنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان. جەنۇبىي-شىمالى سۇلالىلەر دەۋرىدىن كېيىن، نامدا بار ئەمەلدە يوق بولۇپ قالغان. ئېدو دەۋرىدە، شوگناتقا بىۋاسىتە قاراشلىق بولغان جايلاردىكى خاتاموتو ۋە سىياگونلارنىڭ خوجىدارلىرى ۋە ۋاسساللار ئۆزىگە قاراشلىق جايلارغا تەقسىم قىلغان كىچىك خوجىدارلارمۇ زېمىن بېگى دېيىلگەن. 

زېمىن ۋە ئاھالىنى قايتۇرۇپ بېرىش

  • زېمىن ۋە ئاھالىنى قايتۇرۇپ بېرىش[يەشمىسى:]ياپونىيە مېيجى يىللىرىنىڭ دەسلىپىدىكى مۇھىم ئىسلاھات. مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەرقايسى ۋاسساللاردىكى فېئودال تەپرىقە كۈچلەرنى يوقىتىپ، ھوقۇقنى مەركەزگە مۇجەسسەملەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ياپونىيە مېيجى ھۆكۈمىتى 1869-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى «زېمىن ۋە ئاھالىنى قايتۇرۇپ بېرىش» نى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، يەنى ھەرقايسى ۋاسساللارغا ئۆزىگە قاراشلىق يەر ۋە خەلققە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى تاپشۇرۇشنى بۇيرۇغان. زېمىن ۋە ئاھالە قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن، ۋاسساللار مەركەز تەيىنلەيدىغان ۋاسسال ھاكىمى بولۇپ، ۋاسسال ھاكىمىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن مەركەزگە ئىتائەت قىلغان. ۋاسسال ھاكىمى ئەسلىدىكى خوجىلىق يەر كىرىمىنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى ئۆزىنىڭ مائاشى قىلىش بەلگىلىنىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىرىم-چىقىمى بىلەن ۋاسسال ھاكىمىيىتىنىڭ مالىيىسى ئايرىۋېتىلگەن. بۇ ۋاسسالنى بىكار قىلىپ ناھىيە تەسىس قىلىشنىڭ تەييارلىق تەدبىرى ئىدى. 

زېمىندار

  • زېمىندار[يەشمىسى:] ھىندى تىلىدا يەر ئىگىسىنىڭ ئاتىلىشى. Zamindar سۆزى پارىسچىدىن كەلگەن، Zamin نىڭ مەنىسى يەر، Dar نىڭ مەنىسى ئىگىدارلىق قىلغۇچى، ئۆزلەشتۈرگۈچى دېگەنلىك. موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىمپېرىيىنىڭ چېگرا جايلىرى ۋە تاغلىق رايونلىرىدا يەرگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغان يەرلىك ۋاڭ -گۇڭلار ياكى قەبىلە باشلىقلىرىغا قارىتىلغان. ئۇلار خاننىڭ مىتىروپولىيە ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان، ئولپان تاپشۇرغان. ئۇلار ئۆز زېمىنىدا ئۆزىگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان، دېھقانلارنى ئىجارە بېجى تۆلەشكە ۋە ھاشارغا چىقىشقا مەجبۇر قىلغان. كېيىن بۇ سۆز ئاساسەن دۆلەت تەڭشىيەلەيدىغان يەر ھۆددىگەرلىرىگە قارىتىلغان، ئۇلاردا يەرگە ئەمەلىي ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى يوق. لېكىن باج ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ھەمدە ئۆزىنى يەر ئىگىسىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشقان. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، زېمىندارلارنىڭ قانۇنىي فېئوداللىق يەرگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنى تىكلىگەن. زېمىندار تۈزۈمىگە قاراڭ. 

زىنوۋيېۋ

  • زىنوۋيېۋ[يەشمىسى:]Григорий Eвсеевич Зиновьев، 1883 — 1936) سوۋېت ئىتتىپاقى «يېڭى ئۆكتىچىلەر» نىڭ باشلىقى. ئىلىساگرادتا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا بېرىندا خىمىيە ۋە قانۇن ئۆگەنگەن. 1901-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن. كېيىن روسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئىنقىلابىي تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. 1906 — 1908-يىللىرى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى پېتربۇرگ كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان، «ئالغا گېزىتى»، «سوتسىيال دېموكراتلار» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. 1908-يىلدىن كېيىن ئۇزاق ۋاقىت چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. «ھەقىقەت گېزىتى»، «پرولېتار گېزىتى» ۋە «ئىشچىلار گېزىتى» نىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە قاتناشقان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىدا، پارتىيىنىڭ قوراللىق قوزغىلاڭ فاڭجېنىغا قارشى تۇرغان ھەمدە كامېنيېۋ بىلەن بىرلىكتە، مېنشېۋىكلارنىڭ «يېڭى ھايات گېزىتى» دە قوزغىلاڭ پىلانىنى ئاشكارىلاپ قويغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، مېنشېۋىكلار بىلەن سوتسىيال ئىنقىلابچىلار قاتناشقان «بىرلەشمە ھۆكۈمەت» قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، بولشېۋىكلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت ئىگىلىشىگە قارشى تۇرغان. كېيىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، پېتروگراد سوۋېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1919-يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ رەئىسى بولغان. 1924-يىلى لېنىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، كامنېيېۋ بىلەن «يېڭى ئۆكتىچىلەر» نى تەشكىل قىلغان. 1926-يىلى تروتىسكىي بىلەن پارتىيىگە قارشى ئىتتىپاق تەشكىل قىلغان. شۇ يىلى سىياسىي بيۇرودىن چىقىرىۋېتىلگەن، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالدىكى ۋەزىپىسىمۇ ئېلىپ تاشلانغان. 1927-يىلى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1934-يىلى قولغا ئېلىنغان، 1936-يىلى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

زىياپەت ھەرىكىتى

  • زىياپەت ھەرىكىتى[يەشمىسى:] فرانسىيىدىكى ئىيۇل خاندانلىقى دەۋرىدە ئۆكتىچىلەر زىياپەت شەكلىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي كۈرەش ئېلىپ بارغان. ئىيۇل خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، خاندانلىقتىكى ئۆكتىچىلەر جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن بىرلىشىپ، سايلام ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەلەپنامىگە ئىمزا توپلاش مەقسىتىدە زىياپەت ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. زىياپەتتە، سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرى ئاشكارا نۇتۇق سۆزلەش، قەدەھ سۆزى سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن سىياسىي قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، ئىسلاھاتنى تەشۋىق قىلغان. بۇنىڭغا قاتناشقۇچىلار بەزىدە بىرنەچچە يۈزگە، كۆپ بولغاندا مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.1847-يىلى كۈزدىكى ئىككى ئايدىلا، فرانسىيە بويىچە 70 قېتىم زىياپەت ئۆتكۈزۈلگەن، بۇنىڭغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 17 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ھەرىكەت جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەبىقىلىرىنى جەلپ قىلغان، ئىشچىلار ۋەكىللىرىمۇ ئۆز زىياپىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. ئەسلى 1848-يىل 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان زىياپەتنى ھۆكۈمەت چەكلەپ قويغان، بۇ ھال فېۋرال ئىنقىلابىغا سەۋەب بولغان. 

زىيائۇر راخمان

  • زىيائۇر راخمان[يەشمىسى:]Ziaur Rahman، 1935 — 1981) بېنگال خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى(1977—1981). 1955-يىلى پاكىستان كاگۇل ھەربىي ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، كېيىن پاكىستان ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن.1971-يىلى «بېنگال ئازادلىق ئارمىيىسى باش قوماندانى» نامى بىلەن بېنگال دۆلىتىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. 1975-يىلدىن باشلاپ رادىئو ئىشلىرى، سودا ۋە تاشقى سودا، مالىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ھەمدە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى شتاب باشلىقى بولغان. 1975-يىلى 11-ئايدا ھۆكۈمەتكە قارشى سىياسىي ئۆزگىرىشنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ھەربىي قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىجرائى ئەمەلدارى بولغان. ئىككىنچى يىلى باش ئىجرائى ئەمەلدارى بولغان. 1981-يىلى 5-ئايدا كۋېتتا پورتىدا سۇيىقەستكە ئۇچرىغان.