ل🔗

ل

لابرىئولا

لابېئو

لاپلاتا باش ۋالىيسىغا قاراشلىق رايون

لاپلاتا قوشما شتاتى

لاپلاس

لاپۇ-لاپۇ

لاتېران دىنىي يىغىنى

لاتېن مەدەنىيىتى

لاتىفۇندىئۇم

لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادىي سىستېمىسى

لاتىنلار

لاتىن ئىتتىپاقى

لاتىن ئىمپېرىيىسى

لاتىئۇم

لاروك

لازار

لازار

لازارۇس

لازارېۋ

لاززارونى

لاززارى

لازو

لاسسال (Ferdenand Lassalle)

لاسسالچىلار

لاسسالچىلىق

لاس كاساس

لاسكا ئۆڭكۈرىدىكى تام رەسىملىرى

لاسكى

لاسېدېمون

لاسسى

لافارگ

لافارىنا

لافايېت

لاففىتتې

لافوللېت

لافونتائىن

لافوئېنت

لاكنوۋ ئەھدىنامىسى

لاكنوۋنى قوغداش ئۇرۇشى

لاكونىيە

لاكۋېت دۆلىتى

لاكشىمى باي

لاگاش

لاگېركۋىست

لاگېرلوف

لاگىر

لامارتىن

لامارسا كېلىشىمى

لامارك

لامارمورا

لامبېرت فون (ھېرىسفېلدلىق)

لامبىڭ فلات توپىلىڭى

لامپرېشت

لامۇرى

لامېت Alexandre

لامېتترى

لامىسېسⅢ

لاندېر

لاندىسلاگ

لانسىڭ-ئىسى كېلىشىمى

لانكاسۇكا

لانكاستېر خاندانلىقى

لانگې

لانگېدوك

لانگېۋىن

لائوسنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى

لائوكون ھەيكەللىرى

لائون كوممۇنىسى

لائۇرىئېر

لاۋال

لاۋال-موسسولىن كېلىشىمى

لاۋروۋ

لاۋرېنسې

لاۋرېنسىنىيە مىللىي ئاساسىي قانۇن تۈزۈش قەھۋەخانىسى

لاۋو

لاۋوسېر

لاۋىس

لائېرمانىس

لايباخ يىغىنى

لەن شاڭ

لەنشەن قوزغىلىڭى

لوباچېۋىسكىي

لوبانوۋ-روستوۋىسكىي

لوبېنگۇلا

لوتارⅠ

لوتارⅡ

لودگې

لوررىن

لوررىن خانلىقى

لورېنسومېدىچى

لوك

لوڭفېللوۋ

لوللاردچىلار

لومباردىيە پادىشاھلىقى

لومباردىيە قانۇنى

لومباردىيە ئىتتىپاقى

لومونوسوۋ

لومې كېلىشىمى

لوندون ئەھدىنامىسى

لوندون دېڭىز ئارمىيىسى يىغىنى

لوندون شەرتنامىسى

لوندون مۇنارى

لوندون ئىشچىلار جەمئىيىتى

لوندون يىغىنى

لوندىنئۇم

لونگۇئېت

لونگىنوس

لوۋېل

لوئېب

لوئىⅠ

لوئىⅥ

لوئىⅦ

لوئىⅧ

لوئىⅨ

لوئىⅪ

لوئىⅩⅣ

لوئىⅩⅤ

لوئىⅩⅥ

لوئىⅩⅧ

لوئى بلانك

لويد گېئورگې

لويولا

لۇئاڭ پراباڭ دۆلىتى

لۇئاڭ پىبۇل

لۇبا پادىشاھلىقى

لۇبلىن ئىتتىپاقى

لۇبې

لۇتېر

لۇچىتسىكىي

لۇد ھەرىكىتى

لۇدۋىگ

لۇدېرىتس

لۇدېندورف

لۇزاننا شەرتنامىسى

لۇزاننا يىغىنى

لۇسۇن دۆلىتى

لۇسىتانىيە

لۇسىچ

لۇسىئېن

لۇسىيان

لۇشنيا قۇرۇلتىيى

لۇگالاندا

لۇگال-زاگگىسى

لۇگدۇنۇم

لۇگگارۇ ئەھدىنامىسى

لۇگونېس

لۇلياڭدىكى زور غەلىبە

لۇكا يىغىنى

لۇكرېتئوس

لۇكۇللۇس

لۇكىن

لۇمبىنى

لۇمۇمبا

لۇناچارىسكىي

لۇندا پادىشاھلىقى

لۇنېۋىل شەرتنامىسى

لۇۋەينا

لۇئى(تەقۋادار)

لۇئى بوناپارتنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشى

لۇئى بوناپارت

لۇئى ناپولېئون

لۇئى فىلىپ

لۈيۈنتىڭ

لۋوۋ

لېبرۇن

لېبكنېخت

لېبېدېۋ

لېپانتو دېڭىز ئۇرۇشى

لېپىدۇس

لېپتىس ماگنا

لېتۋا كىنەزلىكى

لېتۋېتوندارا

لېخېستات كېلىشىمى

لېدرۇ-روللىن

لېرمونتوۋ

لې ساپېلىئېر قانۇنى

لېساژ

لېسبوس

لېسسېپىس

لېسسىڭ

لېكوك

لېكلېر

لېكى

لېگنانو جېڭى

لېڭمۇ چۈنشىن (سۇزۇكى خارۇنوبۇ)

لېلېۋېل

لېنا پاجىئەسى

لېنتىس

لېنىن

لېنىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى

لېنىنىزم

لېئوⅢ

لېئوپولدⅠ

لېئوپولدⅡ

لېئون پادىشاھلىقى

لېئونتېۋ

لېئونىدا

لېۋاللوس مەدەنىيىتى

لېۋانت

لېۋېررېر

لېۋسكىي

لېۋىس

لېيپنىز

لېيپسىگ جېڭى

لېيپسىگ سوتى

لىبېرالىستلار پارتىيىسى

لىپمان

لى تو

لىتۋىنوۋ

لى جىن

لى چاڭجې

لىچچاۋى خاندانلىقى

لى چىڭگۈي

لى خۇەن

لىدې

لىدىيە

لى زىچيەن

لى سۇلالىسىنىڭ ئوردا خاتىرىلىرى

لى سۈەن

لىسېنكو

لىسىئاس

لىسىپپوس

لىست

لىسىنمان

لىسنى قانۇنى

لى شۈنچېن

لى شېڭ

لى شى

لى شىئەي قوزغىلىڭى

لى فامىلىلىكلەر چاۋشيەنى

لى فېن قوزغىلىڭى

لىكتور

لىكۋىداتورلار (بىكار قىلغۇچىلار)

لىكېئۇم

لى گوڭيۈن

لى گۇاڭجۇ

لىگۇرىيانلار

لىڭمۇ ۋېنجژ(سۇزۇكى بۇنجى)

لىلبۇرنې

لىللو

لىلى

لىما خىتابنامىسى

لىندبېرگ

لىندگرېن

لىنكولن

لىنگاياتى كېلىشىمى

لىنمۇ گۇەنتەيلاڭ(سۇزۇكى سىتارو)

لى ھاۋرې پروگراممىسى

لېئان ئىشچىلار قوزغىلىڭى

لى ۋەنيوڭ

لىۋونىيە

لىۋونىيە رىتسارلار پولكى

لىۋونىيە ئۇرۇشى

لىۋىڭىستون

لىۋىئۇس

لىۋىيە

لىۋىيە-سائىس دەۋرى

لىيسىماكو

لى يى

ليتتون تەكشۈرۈش ئۆمىكى

ليساندېر

ليكۇرگۇس

لېياڭجې

ليۇدېگوڭ

ليۇچېڭلوڭ

ليۇگىچىلار

ليۇس

ليۇ شىنيۇەن

ليۇكترا جېڭى

ليۇكسېمبۇرگ

ليۇكسېمبۇرگ خاندانلىقى

ليۇكىپپۇ

ليومپىن پرولېتارلار

ئىزاھى

لابرىئولا

  • لابرىئولا[يەشمىسى:]Antonio Labriola ، 1843 — 1904) ئىتالىيىلىك ماركسىزم نەزەرىيىچىسى. ياشلىق دەۋرىدە گېگېل تەلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1871-يىلىدىن باشلاپ نېئاپول ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەلسەپىسىنىڭ دوتسېنتى بولغان. 1874-يىلدىن باشلاپ رىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئەمەلىي پەلسەپە ۋە پېداگوگىكا پروفېسسورى بولغان. 90-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ماركسىزمغا ئىشەنگەن ھەمدە خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىپ، ئېنگېلس بىلەن پات-پات خەت-چەك ئالماشتۇرغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا سىياسىي پائالىيەتتىن ۋاز كەچكەن. ئاساسلىق ئەسىرىدىن «ماتېرىيالىزملىق تارىخ قاراش ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە» قاتارلىقلار بار.

لابېئو

  • لابېئو[يەشمىسى:]Antistius Labeo، مىلادىدىن تەخمىنەن 54 يىل ئىلگىرى — مىلادى 17-يىلى) قەدىمكى رىم دەۋردىكى قانۇنشۇناس. گېيلابېئو(Gei Labeo، كائېسارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقۇچى) نىڭ ئوغلى. مالىيە ئەمەلدارى بولغان، جۇمھۇرىيەتچى، پادىشاھ ئاۋگۇست ئۇنى ئۆچ كۆرگەن. قانۇنشۇناسلىققا ئائىت كۆپلىگەن ئەسەرلىرى بار، ئىمپېراتور يۇستىنىئان ( مىلادى Ⅵ ئەسىر) «ھەق تەلەپ قانۇنى قامۇسى»نى تۈزۈشتە ئۇنىڭ «تەلىمات توپلىمى» دېگەن ئەسىرىدىن نەقىل كەلتۈرگەن. لابېئو قانۇنشۇناسلىق ئېقىمىنى بەرپا قىلغان، ئۇنىڭ شاگىرتى پروكۇلۇ (S. Proculus)مۇ شۆھرەت قازانغان، بۇ ئېقىمدىكىلەر پروكۇلۇچىلار(Proculuiani) دەپ ئاتالغان؛ ئۇلار شۇ چاغدىكى «سابىنچىلار» (Sabiniani) بىلەن تەڭ نام چىقارغان. «كاپىتو» غا قاراڭ.

لاپلاتا باش ۋالىيسىغا قاراشلىق رايون

  • لاپلاتا باش ۋالىيسىغا قاراشلىق رايون[يەشمىسى:] يەنە بىر نامى بۇئېنوس ئايرېس باش ۋالىيسىغا قاراشلىق رايون. ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلىرىدە تەسىس قىلىنغان. مەمۇرىي تەشكىلات بولۇپ، دەسلەپتە 1776-يىلى قۇرۇلغان. دائىرىسى ھازىرقى ئارگېنتىنا، پاراگۋاي، ئۇراگۋاي ۋە بولىۋىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەتنىڭ زېمىنىغا توغرا كېلىدۇ. دەسلەپتە پورتۇگالىيە بىلەن ئەنگلىيىنىڭ لاپلاتا رايونىغا قىلغان تاجاۋۇزىدىن مۇداپىئە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. باش ۋالىي تۇرۇشلۇق جاي بۇئېنوس ئايرېستا تەسىس قىلىنغان. 1778-يىلى بۇ رايون مىتروپولىيە ۋە ئىسپانىيىگە قاراشلىق ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەر بىلەن ئەركىن سودا قىلىش رۇخسەتنامىسىگە ئىگە بولغان. كېيىن ئىسپانىيىگە قاراشلىق جەنۇبىي ئامېرىكا مۇستەملىكىلىرىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن پورتىغا ئايلانغان. 1816-يىلى قاراشلىق رايون رەسمىي پارچىلانغان.

لاپلاتا قوشما شتاتى

  • لاپلاتا قوشما شتاتى[يەشمىسى:] يەنە بىر تەرجىمىسى لاپلاتا بىرلەشمە ئۆلكىسى (Provincias Unidas del Rio de la Plata) ياكى جەنۇبىي ئامېرىكا بىرلەشمە ئۆلكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئارگېنتىنا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى دەۋرىدە قۇرۇلغان دۆلەت تەشكىلىي شەكلى. 1810-يىلى كونا ئەنئەنە بويىچە لاپلاتا باش ۋالىيسىغا قاراشلىق رايون دائىرىسىدە قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان، ئارگېنتىنا، پاراگۋاي، ئۇرۇگۋاي ۋە بولىۋىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1816-يىلى تۇكۇمان (ΤукуМан) دا چاقىرىلغان مىللىي پارلامېنتتا ئۇنىڭغا «لاپلاتا قوشما شىاتى» دەپ نام بېرىلگەن ھەمدە ئىسپانىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقى رەسمىي جاكارلانغان. بۇئېنوس ئايرېس پايتەخت قىلىنغان. 1819-يىلى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلغان. كېيىن پاراگۋاي، ئۇراگۋاي، بولىۋىيە ئايرىم-ئايرىم ئۆز ئالدىغا دۆلەت قۇرغان.

لاپلاس

  • لاپلاس[يەشمىسى:]Pierre Simon Laplace Marquis de، 1749 — 1827) فرانسۇز ئاسترونوم، ماتېماتىك ۋە فىزىك. 18 ياش ۋاقتىدا دالامبېر(Даламбер) ئۇنىڭ ماتېماتىكا قابىلىيىتىدىن زوقلىنىپ، ئۇنى پارىژ ھەربىي مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى بولۇشقا تونۇشتۇرغان. 1799-يىلى ناپولېئوننىڭ قول ئاستىدا قىسقا ۋاقىت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1803-يىلى ئاقساقاللار پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1815-يىلى ليۇدۋىك ⅩⅧ تەرىپىدىن ئاقسۆڭەكلىك مەرتىۋىسى بېرىلگەن. 1817-يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. سۇ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشى توغرىسىدىكى نەزەرىيە، كۆيۈش توغرىسىدىكى نەزەرىيە، ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ قالماي، بەلكى ئاسترونومىيە جەھەتتە مۇھىم تۆھپە قوشقان. نيۇتوننىڭ ئالەمنىڭ تارتىشىش نەزەرىيىسىنى پۈتۈن قۇياش سىستېمىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتقا تەتبىقلاپ، سەييارىلەر ئايلىنىشىنىڭ مۇقىملىقىنى بايقاپ، يۇپىتېر بىلەن ساتورىننىڭ تەرتىپسىز ئايلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ يەنە قۇياش سىستېمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى تۇمانلىق توغرىسىدىكى قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە»، «ئالەم سىستېمىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە»، «ئاسمان جىسىملىرى مېخانىكىسى»، «ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى پەلسەپىسى» قاتارلىقلار بار.

لاپۇ-لاپۇ

  • لاپۇ-لاپۇ[يەشمىسى:] Lapu Lapu) فىلىپپىندىكى ماكتان (Mactan) ئارىلىنىڭ پادىشاھى. ئۇ 1521-يىل 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ماكتان خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، سېبۇ ئارىلىدىن بېسىپ كىرگەن ماگېللان باشچىلىقىدىكى ئارمىيىنى مەغلۇپ قىلغان. ماگېللان شۇ جاينىڭ ئۆزىدە قازا تاپقان. ئىسپانىيىنىڭ كېمىلىرى چېكىندۈرۈلگەن. لاپۇ-لاپۇ فىلىپپىن خەلقى تەرىپىدىن ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك-تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى قەھرىمان، دەپ ئاتالغان.

لاتېران دىنىي يىغىنى

  • لاتېران دىنىي يىغىنى[يەشمىسى:] رىم پاپاسى گرىگورىي Ⅶ مۇقەددەس رىم ئىم-پېراتورى ھېنرىخ Ⅳ بىلەن ئېپىسكوپ تەيىنلەش ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشىدە، 1076-يىلى رىمدىكى لاتېران (Lateran) چېركاۋىدا ئۆتكۈزگەن دىنىي يىغىن. يىغىنغا فرانسىيە ۋە ئىتالىيە ئېپىسكوپلىرى قاتناشقان. يىغىندا ھېنرىخ Ⅳ نىڭ دىن تەۋەلىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى جاكارلانغان ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىق ئورنى بىكار قىلىنغان. 1123-، 1139-، 1179-، 1215-ۋە 1512 —1517-يىللىرى كاتولىك چېركاۋى لاتېران چېركاۋىدا بەش قېتىم دۇنياۋى خاراكتېرلىك ئېپىسكوپلار يىغىنى ئۆتكۈزگەن (بۇ يىغىن لاتىن تىلىدا Concilium Oecumenicum دېيىلىدۇ).

لاتېن مەدەنىيىتى

  • لاتېن مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] غەربىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ياۋروپا دەسلەپكى تۆمۈر قوراللار دەۋرىنىڭ ئىككىنچى مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردىن مىلادىنىڭ باشلىرىغىچە). ئەڭ دەسلەپتە شۋېتسارىيىنىڭ نېۋشاتې-ل (Lacde Neuchatal) كۆلى ئەتراپىدىكى لاتېن (Laténe) خارابىلىقىدىن تېپىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1907 — 1917- يىللىرى تەشكىللىك ھالدا قېزىش ئېلىپ بېرىلىپ، تۆت دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدىغانلىقى ئېنىقلانغان. بۇ مەدەنىيەت غەربىي ياۋروپادىكى گۇرتى قەبىلىسىنىڭ كۆچۈشىگە ئەگىشىپ غەربىي ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كەڭ تارقىلىپ، تەدرىجىي ھالدا ھاللىستات (Hallstatt) مەدەنىيىتىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. تۆمۇر قورال-ياراق ۋە سايمانلارنى ياساشتا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن بولۇپ، قېزىۋېلىنغان نەرسىلەر ئىچىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ ھەمدە يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان مېتال ھۈنەر- سەنئىتى ۋە بېزەش سەنئىتىگە ئىگە. بۇرمىسىمان سىزىق ۋە ئەگرى سىزىقلىق نەقىشلەر بىلەن زىننەتلەنگەنلىرى كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ.

لاتىفۇندىئۇم

  • لاتىفۇندىئۇم[يەشمىسى:]Latifundium) قەدىمكى رىمدىكى چوڭ يەر تۈزۈمى. لاتىن تىلىدىكى latus (كەڭ)، fundus (يەر، يەر-مۈلۈك) دېگەن مەنىدە بولۇپ، چوڭ يەر-مۈلۈك تۈزۈمى ياكى چوڭ ئىمىنىيە تۈزۈمى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅣ ئەسىرگىچە) دە، ئۇششاق يەر تۈزۈمى (ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى) ئاساسىي جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. رىم ئىتالىيىنى بويسۇندۇرۇش جەريانىدا يەرلەر مەركەزلىشىپ، ئوتتۇرا كۆلەمدىكى ئىمىنىيىلەر (ۋىللا Villa دەپ ئاتىلىدۇ) مەيدانغا كەلگەن. رىمنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز رايونىغا كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىن باشلاپ) چوڭ ئەمەلدارلار قاتلىمى دۆلەتنىڭ «جامائەت يەرلىرى» (ager Publicus) نى ئىگىلىۋېلىش ۋە ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى قوشۇۋېلىش ئارقىلىق تەدرىجىي يوسۇندا ئىتالىيە، سىتسىلىيە، چەت ئۆلكە (شىمالىي ئافرىقا) لەردە لاتىفۇندىئۇمنى شەكىللەندۈرگەن. رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىن ئىمپېرىيىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردىن مىلادى Ⅰ - Ⅱ ئەسىر) گىچە قۇللارنىڭ ئەمگىكىدىن پايدىلىنىشنى ئاساس قىلغان لاتىفۇندىئۇم غايەت زور كۆلەمگە يېتىپ، چوڭ يەر ئىگىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىگەن يەرلەر 1000 يوگېردىن بىرنەچچە مىڭ يوگېر (Jugerum بىر يوگېر تۆتتىن بىر گېكتارغا تەڭ) گە يەتكەن. يەرلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە مەركەزلىشىشىنى چەكلەش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات (مەسىلەن، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئاكا-ئۇكا گراكخ ئىسلاھاتى) لار مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان. نەتىجىدە ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلار ئارقا-ئارقىدىن ۋەيران بولۇپ، ليومپىن پرولېتارلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەن. دېھقانلارنى ئاساس قىلغان رىم ئارمىيىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى تېز كېمەيگەن، ئەسلىدىن بار بولغان باي-كەمبەغەللىكتىن ئىبارەت باراۋەرسىزلىك تېخىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان. لاتىفۇندىئۇمنىڭ بارلىققا كېلىشى رىم قۇللۇق تۈزۈم ئىگىلىكى (بولۇپمۇ دېھقانچىلىق) نىڭ راۋاجلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىجتىمائىي زىددىيەتنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ، مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانغان. مىلادى Ⅲ ئەسىردىن كېيىن رىم كولۇنسىتلار تۈزۈمى كۈنسايىن راۋاجلىنىپ، چوڭ يەرلەر كىچىك ئۈلۈشلۈك يەرلەرگە ئاجرىتىلىپ، بېقىندى دېھقانلار ياكى بېقىندى دېھقانلار سالاھىيىتىدىكى ئەمگەكچىلەرگە ئىجارىگە بېرىلگەن. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكى چوڭ يەر تۈزۈمى ئومۇمەن ئېيتقاندا باشقۇرۇش ئۇسۇلى جەھەتتە بۇرۇنقى لاتىفۇندىئۇمغا ئوخشاشمايدۇ.

لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادىي سىستېمىسى

  • لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادىي سىستېمىسى[يەشمىسى:] لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى. 1975-يىلى 3-ئايدا مېكسىكا بىلەن ۋېنېسۇئېلا ئىككى دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭلىرى لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادىي سىستېمىسى قۇرۇش توغرىسىدا بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلغان. شۇ يىلى 10-ئايدا 23 لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىلى پاناما شەھىرىدە «پاناما كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ بۇ تەشكىلاتنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇنىڭ مەقسىتى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن بۇ رايوننىڭ ئىچكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلقئارالىق ئورگان ۋە يىغىنلاردا شۇنىڭدەك باشقا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئورتاق مەيدان ۋە ستراتېگىيە قوللىنىش ئۈچۈن، كېڭىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بىر خىل تۈزۈمنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىن ئىبارەت. بۇ سىستېما قۇرۇلغاندىن كېيىن كۆپ قېتىم مىنىستىرلار يىغىنى ۋە مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بەزى ھەمكارلىق پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىققان ھەمدە بىرقاتار خەلقئارالىق ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئورتاق مەيدان بەلگىلىگەن. 1975-يىلى كارىپ دۆلەتلىرى دېڭىز نەقلىياتى شىركىتىنى قۇرغان. 1977-يىلى كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن كانادا خەلقئارا ئۆزلەشتۈرۈش مەھكىمىسى لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادىي سىستېمىسىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان. 1982-يىلى 8-ئايدا لاتىن ئامېرىكىسى مۇدىرىيىتىنىڭ سەككىزىنچى قېتىملىق مىنىستىرلار يىغىنى «لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ۋە مۇستەقىللىك ستراتېگىيىسى» نى ماقۇللىغان. تەشكىلاتنىڭ ئالىي ئورگىنى لاتىن ئامېرىكىسى مۇدىرىيىتى، دائىمىي كاتىبات باشقارمىسى ۋېنسۇئېلانىڭ پايتەختى كاراكاستا تەسىس قىلىنغان.

لاتىنلار

  • لاتىنلار[يەشمىسى:]Latini) قەدىمكى ئىتالىيىنىڭ لاتىئوم رايونى (تىبىر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ جەنۇبىي قىسمى) دىكى ئاھالە بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى ھىندى- ياۋروپا تىل سىستېمىسىدىكى رىم تىل تۈركۈمىگە مەنسۇپ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى مىڭىنچى يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇلار بۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىپتىدائىي جامائە تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئورتاق بوۋىسى لاتىن (Latinus) ئىكەن. نۇرغۇن مەھەللىلەر تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ شەھەرلەرگە ئايلانغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە تىبىر دەرياسى بويىدىكى رىم شەھىرى ئەڭ داڭلىق ھېسابلىنىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرگىچە رىملىقلار (لاتىنلارنىڭ بىر تارمىقى) قوشنا قەبىلىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، باشقا لاتىنلارنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرنەچچە قېتىم ئىتتىپاق تەشكىللىگەن. كېيىن رىم لاتىن ئىتتىپاقى ئىچىدە تەدرىجىي ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ئىتتىپاق شەھەرلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان؛ رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا پات-پات توقۇنۇش يۈز بەرگەن، ئاخىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 340 — 338-يىللىرى «لاتىن ئىتتىپاقى ئۇرۇشى» پارتلىغان.ئىتتىپاقچىلار مەغلۇپ بولۇپ، رىم لاتىن شەھەرلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن رىملىقلار باشچىلىقىدىكى بارلىق لاتىنلار كۈنسايىن قوشۇلۇپ كەتكەن. بۇنىڭدىن سىرت، لاتىنلار ئومۇمەن ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسى، رىم تىل تۈركۈمى (لاتىن تىلى) دە سۆزلىشىدىغان ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى ئاھالىلەرنى، يەنى ئىتالىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاھالىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇيان ياۋروپا تارىخ كىتابلىرىدا دائىم تىلغا ئېلىنغان «لاتىنلار» جەنۇبىي ياۋروپالىقلار دەپ ئاتىلىپ، شىمالىي ياۋروپادىكى گېرمانلار، شەرقىي ياۋروپادىكى سلاۋىيانلار بىلەن پەرقلەندۈرۈلگەن.

لاتىن ئىتتىپاقى

  • لاتىن ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] قەدىمكى ئىتالىيىنىڭ لاتىئۇم (Latium) رايونىدىكى لاتىنلارنىڭ تەخمىنەن 30 دەك كىچىك شەھەرلىرى تۈزگەن ئىتتىپاق. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىر ئەتراپىدا شەكىللەنگەن. ئارىسىيە (Aricia، رىم شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش ھەرقايسى شەھەرلەر باراۋەر بولۇپ، بىرلىكتە باشقا قەبىلىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان. رىم ئەتراپتىكى دۈشمەنلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، مىلادىدىن 493 يىل ئىلگىرى ئىتتىپاققا قاتناشقان؛ ئىتتىپاقتا مەنپەئەتكە ئىگە بولغاچقا تاشقى دۈشمەنلەرنى كۆپ قېتىم يېڭىپ، ئورنى كۈنسايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ھەمدە ئىتتىپاقنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئىتتىپاقتىكى باشقا شەھەرلەر رىمنىڭ كۈچىيىشى ھەمدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولۇشىنى خالىمىغاچقا، رىم سېناتىدىكى يېرىم سان يەنى 150 ئورۇن ۋە ئىككى كونسۇلنىڭ بىرى رىم شەھىرىدىن باشقا ئىتتىپاق شەھەرلىرى ئارىسىدىن مەيدانغا كېلىشى كېرەك دېگەن تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان. رىم بۇ تەلەپنى رەت قىلغاچقا «لاتىن ئىتتىپاقى ئۇرۇشى» (مىلادىدىن ئىلگىرى 340 — 338) پارتلىغان. نەتىجىدە رىم غەلىبە قىلىپ، ئىتتىپاق پارچىلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن لاتىئۇم پۈتۈنلەي رىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان.

لاتىن ئىمپېرىيىسى

  • لاتىن ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:] 1204-يىلى تۆتىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىغا قاتناشقان غەربىي ياۋروپا فېئوداللىرى ئۆزلىرى بېسىۋالغان ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنىدا قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. كونستانتىنوپولنى پايتەخت قىلغان. گرېكلار غەربىي ياۋروپالىقلارنى لاتىنلار دەپ ئاتىغاچقا، لاتىن ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتالغان. زېمىنى كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى، فراكىيە، ماكېدونىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، جەنۇبىي يۇناننىڭ كۆپ قىسمى شۇنىڭدەك ئېگېي دېڭىزى ۋە ئىئونىيە دېڭىزىدىكى بىرقانچە ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لاتىن ئىمپېراتورى ئىمپېرىيىنىڭ تۆتتىن بىر قىسىم رايونى (كونستانتىنوپولنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى بىۋاسىتە كونترول قىلغان، قالغان رايونى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. بىر قىسمى ئۈچ چوڭ فېئوداللىق خوجىلىق زېمىننى يەنى تېسسالونىكا (Thessalonica) پادىشاھلىقى، ئاكائېيا (Achaea) بەگلىكى ۋە ئافىنا بەگلىكىنى شەكىللەندۈرگەن؛ يەنە بىر قىسمى كونستانتىنوپولنىڭ گالاتىيە رايونى، كرېت ئارىلى، ئېۋېبېيە ئارىلى ۋە نۇرغۇن دېڭىز بويى شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ۋېنېتسىيە تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن. ئىمپېرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى دېھقانلار ئارقا-ئارقىدىن يانچىلارغا ئايلىنىپ قالغان، باج-سېلىق يۈكى ئېغىرلاشقان ھەم ۋېنېتسىيىلىكلەرنىڭ سودا ۋە جازانىخورلۇق ئېكسپىلاتاتسىيىسىگە ئۇچرىغان، شۇڭا ئۇلار دائىم يات مىللەت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرغان. ۋىزانتىيىنىڭ قالدۇق كۈچلىرى كىچىك ئاسىيادا قۇرغان نىسىيە ئىمپېرىيىسىمۇ لاتىنلارغا داۋاملىق ھۇجۇم قوزغىغان. 1261-يىلى نىسىيە ئارمىيىسى خەلقنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ لاتىن ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

لاتىئۇم

  • لاتىئۇم[يەشمىسى:]Latium) قەدىمكى ئىتالىيىدىكى تىبىر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ جەنۇبىدىكى رايوننىڭ نامى. رىم دۆلىتى كېلىپ چىققان جاي. دەسلەپتە تىبىر دەرياسىدىن كىرسەي (Circeii) گىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىرىنچى تۈركۈم ئاھالىسى لاتىنلار (Latini) بولغاچقا لاتىئۇم دەپ ئاتالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا لاتىنلار (ئەسلى نامى ئابورىگىنلار)[Aborigines]دېگەن بۇ نام پادىشاھ لاتىن (Latinus) دىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇ تەختكە ئولتۇرغان چاغدا لائورېنتۇم (Laurentum، تىبىر دەرياسى ئېغىزىنىڭ جەنۇبىي ياقىسىدا) نى پايتەخت قىلغان. كېيىن دائىرىسى كېڭىيىپ، ۋولسسىلار (Volsci، جەنۇبىي قىسمى)، ھېرنىسلار (Hernici ، شەرقىي قىسمى) قاتارلىق ئاھالە ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ رىمنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى كامپانىيىگە تۇتاشقان.

لاروك

  • لاروك[يەشمىسى:]Fancois de La Rocque، 1885 — 1946) فرانسىيىلىك فاشىست. كەسپىي ئوفىتسېرلىقتىن كېلىپ چىققان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1922 — 1924-يىللىرى فرانسىيە ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىللە پولشاغا بارغان. كېيىن فرانسىيىنىڭ ماراكەشتە تۇرۇشلۇق مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى ئاخبارات باشقارمىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ، شۇ يەرلىك خەلقنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئوت كرېست قوشۇنى، فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، فرانسىيە سوتسىيال تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى قاتارلىق فاشىستىك تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلغان. 1934-يىلى 2-ئايدا فاشىستلار پارىژدا قوزغىغان توپىلاڭغا قاتناشقان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ۋىشى ھۆكۈمىتىگە يان باسقان، كېيىن گېرمانىيە ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغاچقا، 1943 — 1945-يىللىرى گېرمانىيىدە!قاماپ قويۇلغان. فرانسىيە ئازاد بولغاندىن كېيىن چاقىرتىپ كېلىپ سوراق قىلىنغان، كۆپ ئۆتمەي كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.

لازار

  • لازار[يەشمىسى:] (Lazar، تەخمىنەن 1329 — 1389) سېربىيە گېرتسوگى. 1371-يىلى سېربىيە نىمانجىد خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى ئەۋلاد كورۇلى ئۇروسⅤ (UrosⅤ، 1355 — 1371-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ئۆلگەندىن كېيىن، سېربىيە ئىمپېرىيىسى پارچىلانغان. لازار سېربىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى ئىگىلىگەن، كېيىن يەنە ئوتتۇرا قىسمىنى قوشۇۋېلىپ، كۈچى بىر مەھەل ناھايىتى زورايغان. 1386-يىلى سېربىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ بالقان يېرىم ئارىلىغا بېسىپ كىرگەن تۈركلەرنى مەغلۇپ قىلغان. 1389-يىلى كېسوپ جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن ھەمدە شۇ ھامان تۈركلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.

لازار

  • لازار[يەشمىسى:] (Gheorghe Lazar، 1779 — 1823) رومىنىيىلىك مائارىپچى. ترانسىلۋانىيىدە تۇغۇلغان. كلوژ (Cluj)، سىبىئۇ (Sibiu)، ۋېنادا ئوقۇغان. 1814-يىلدىن باشلاپ سىبىئۇ پراۋوسلاۋ دىنىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىن مەكتەپ بىلەن بىللە بۇخارېستقا كۆچۈپ كەلگەن. 1818-يىلى ۋالاخىيىدە سېنىت-ساۋا خانلىق مەكتىپىنى ئېچىپ، رومىنىيە تىلىدىن دەرس ئۆتكەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تودور ۋلادىمىرېسكۇ رەھبەرلىك قىلغان تۈركىيىگە قارشى قوزغىلاڭغا ھېسداشلىق قىلغان ۋە ئۇنى قوللىغان.

لازارۇس

  • لازارۇس[يەشمىسى:] (Emma Lazarus ، 1849 — 1887) ئامېرىكىلىق يەھۇدىي ئايال شائىر. نيۇ-يوركتا تۇغۇلغان. بالىلىق چاغلىرىدا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەربىيىسىنى ئالغان. 1867-يىلى شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. 1874-يىلى گېتېنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن «ئالېد» دېگەن ھېكايىسىنى يازغان. 1881-يىلى گېينېنىڭ شېئىرلىرى ۋە خەلق ناخشىلىرىنى تەرجىمە قىلغان. شېئىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئەركىنلىكنى مەدھىيىلەپ، ئىرقىي زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. 1879 — 1883-يىللىرى روسىيىدىكى يەھۇدىيلارغا قارشى دولقۇنغا قارىتا «بىر سېمىتنىڭ ناخشىسى» قاتارلىق شېئىر ۋە سەھنە ئەسەرلىرىنى يېزىپ، يەھۇدىيلارنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ھەمدە يەھۇدىي مۇساپىرلىرى ئۈچۈن كۆپلىگەن تەشكىللەش خىزمىتىنى ئىشلىگەن. «شېئىرلار توپلىمى» «ھالاكەتكە يۈزلىنىش ئۇسۇلى» قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار.

لازارېۋ

  • لازارېۋ[يەشمىسى:] ( Михаил Петрович Лазарев، 1788 — 1851) روسىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى. 1803-يىلى دېڭىز ئارمىيە مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئەنگلىيىگە بېرىپ پراكتىكا قىلغان. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن روسىيە-شۋېتسىيە ئۇرۇشى(1808 — 1809)ۋە روسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى (1812) غا قاتناشقان. 1813 — 1825-يىللىرى ئۈچ قېتىم يەر شارىنى ئايلىنىپ يۈرۈش قىلىشنى تاماملىغان. بىللىنىسگا ئوزىنا (Ф. Ф. Беллинсгаузена، 1778 — 1852) بىلەن بىرلىكتە ئانتاركتىكا قۇرۇقلۇقىنى تاپقان. 1827-يىلدىن باشلاپ روسىيە دېڭىز ئارمىيە فلوتىنىڭ شتاب باشلىقى، قوشۇمچە «ئازوۋ» ناملىق كىرەيسىرىنىڭ باشلىقى بولغان. ناۋارىن جېڭى ۋە روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى (1828 — 1829) غا قاتناشقان. 1833 — 1851-يىللىرى قارا دېڭىز فلوتى ۋە پورتىنىڭ قوماندانى بولۇپ، بۇ رايوننىڭ دېڭىز ئارمىيە ۋە مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقارغان.

لاززارونى

  • لاززارونى[يەشمىسى:] ئىتالىيە يېزىقىدىكى Lazzaroni دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، كەمبەغەل، سەرگەردان، قەلەندەر دېگەن مەنىدە. دەسلەپتەⅩⅦ ئەسىردە بارلىققا كەلگەن. 1647-يىلى ماسانئېللو (Masaniello) نېئاپولدا ئىسپانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان، قوزغىلاڭغا قاتناشقۇچىلار ئۆزىنى لاززارونى دەپ ئاتىغان. كېيىن جەنۇبىي ئىتالىيىدە بارلىق نامرات خەلقلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھاقارەتلەش خاراكتېرىنى ئالغان. ⅪⅩ ئەسىردىن باشلاپ كەمسىتىش نامىغا ئايلانغان.

لاززارى

  • لاززارى[يەشمىسى:]Constantino Lazzari، 1857 — 1927) ئىتالىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ياش ۋاقتىدا مەتبەئە ئىشچىسى ۋە گەزلىمە ساتقۇچى بولغان. 1871-يىلدىن باشلاپ ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان.1882-يىلى ئىتالىيە مېھنەتكەشلەر پارتىيىسىگە كىرگەن، 1890-يىلى بۇ پارتىيىنى ئىتالىيە ئىشچىلار پارتىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش خىزمىتىگە قاتناشقان. 1892-يىلى ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى بەرپا قىلىشقا قاتناشقان، 1912 — 1919-يىللىرى پارتىيىنىڭ سېكرىتارى بولغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى پارتىيە ئىچىدىكى كۈرەش كۈنسايىن كەسكىنلەشكەندە، سول قانات رەھبەرلەردىن بىرى بولغان. لېنىننىڭ خەلقئارادا رىۋىزىئونىزمغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، پارتىيە ئىچىدىكى ئىسلاھاتچىلارغا قارشى كۈرەشنى پائال قانات يايدۇرغان. ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا ئۇرۇنۇپ، تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرىدىكىلەرنىڭ مەۋقەسىگە ئېغىپ كەتكەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندا، «ھەم قوللىماسلىق، ھەم توسالغۇ بولماسلىق» تىن ئىبارەت تىنچلىقپەرەسلىك شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەسمىي ھەرىكەت پروگراممىسى قىلغان. 1915-يىلى سىممېرۋالد ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتناشقان. 1916-يىلى كىنتال ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قاتنىشىشىنى قوللىغان، لېكىن ھاكىمىيەتنى زورلۇق كۈچى بىلەن تارتىۋېلىشقا قارشى تۇرغان. 1919 — 1926-يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. فاشىستلار ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، فاشىسىزمغا قارشى كۈرەشكە پائال قاتناشقان.

لازو

  • لازو[يەشمىسى:] (Сергей Георгиевич Лазо، 1894 — 1920)سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى. ياش ۋاقتىدا موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1916-يىلى ھەربىي سەپكە قوبۇل قىلىنغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابى مەزگىلىدە، كىراسنويارسكىدا ئەسكەرلەر ۋە قىزىل گۋاردىيىچىلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ، ئىركۈتىسكىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭنى باستۇرغان. 1918-يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، تاشقى بايقال ئۇرۇش سېپىنىڭ قوماندانى بولغان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، روسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) يىراق شەرق رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، پرىمورىيە رايونىدىكى پارتىزانلىق كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1920-يىلى 1-ئايدا پرىمورىيە رايونىدىكى ئاق گۋاردىيە ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، روسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) يىراق شەرق بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋە يىراق شەرق ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. شۇ يىلى 4-ئايدا ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت قوراللىق مۇداخىلىچىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان، لازو ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.

لاسسال (Ferdenand Lassalle)

  • لاسسال (Ferdenand Lassalle)[يەشمىسى:] ، 1825 — 1864) گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى ئاغمىچىلارنىڭ ۋەكىلى، ئادۋوكات. يەھۇدىي باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپىنى تەتقىق قىلىپ، گېگېل پەلسەپىسىنىڭ مۇرىتىغا ئايلانغان. 1848-يىلى گېرمانىيە مارت ئىنقىلابىغا قاتناشقان. «يېڭى رېين گېزىتى» دە ئىشلىگەن. 1858-يىلى بېرلىنغا كۆچۈپ كەلگەن. ئىككىنچى يىلى تارىخىي درامىسى «فرانزفون زىجىنگېن» نى يېزىپ، تۆۋەندىن يۇقىرىغا بولغان ئىنقىلابىي يول ئارقىلىق گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە قارشى تۇرغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى، گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان ۋەزىيەت ئاستىدا، ماركسنىڭ ئابرويىدىن پايدىلىنىپ، گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە «بىرلىكتە رەھبەرلىك قىلىش» قا ئۇرۇنۇپ، ماركسنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. 1863-يىلى «پۈتۈن گېرمانىيە ئىشچىلار بىرلەشمىسى» نى تەشكىل قىلىپ، ئۆزى رەئىسلىكنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئومۇم سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە «دۆلەتنىڭ ياردىمى» گە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق كاپىتالىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتكىلى بولىدۇ، دېگەننى تەرغىپ قىلغان؛ تۆمۈردەك ئىش ھەققى قانۇنىيىتىنى تەرغىپ قىلىپ، كاپىتالىزم شارائىتىدا پرولېتارىياتنىڭ نامراتلىشىشىنىڭ مەنبەسىنى يوشۇرۇپ، پرولېتارىياتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىنكار قىلغان؛ دېھقانلار ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنى پۈتۈنلەي ئەكسىيەتچىل بىر توپ دەپ ئاتىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىسمارك بىلەن مەخپىي تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇنىڭ «قان سىياسىتى» نى قوللاپ، ئۇنىڭدىن مەخپىي ھالدا تۇرمۇش پۇلى ئالغان، ئىشچىلار ھەرىكىتىگە خائىنلىق قىلىپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئومۇم سايلام ھوقۇقىنى تىلەپ، گېرمانىيىدىكى ئىلغار ئىشچىلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان؛ ئۇلار پۈتۈن گېرمانىيە ئىشچىلار بىرلەشمىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىپ، ئۇنىڭ ئاغمىچىلىق نۇقتىئىنەزەرلىرىنى تازىلاشنى تەلەپ قىلغان. ماركس «گوتا پروگراممىسىغا تەنقىد» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ ئاغمىچىلىق نۇقتىئىنەزەرلى-رىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.1864-يىلى 8-ئاي-دا دۇئىلدا ئوق تېگىپ ئۆلگەن. «ئىشچىلار پروگراممىسى»، «ئوچۇق جاۋاب»ۋە «ئىشچىلار ئوقۇشلۇقى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

لاسسالچىلار

  • لاسسالچىلار[يەشمىسى:] (ⅩⅨئەسىرنىڭ 60 — 70-يىللىرىدىكى گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى ئاغمىچى گۇرۇھ، لاسسالچىلىققا ئېتىقاد قىلغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. دەسلەپتە بې-كېر (Bernhard Becker، 1826 — 1882)، شۋېتزېر (Johan Baptist Von Schwetzer، 1834 — 1875)، كېيىنكى مەزگىلدە ھاسسېلمان (Wilhelm Hasselman، 1844 —؟)، ھاسېنكلېۋېر (Wilhelm Hassenclever، 1837 — 1889) قاتارلىقلار باشچىلىق قىلغان. 1863-يىلى 5-ئايدا لاسسالنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان «پۈتۈن گېرمانىيە ئىشچىلار بىرلەشمىسى» بۇ گۇرۇھنىڭ تەشكىلاتى ھېسابلىنىدۇ. لاسسالچىلار ماركسىزمغا، پرولېتارىيات ئىنقىلابىغا ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرغان. سىنىپتىن تاشقىرى «ئەركىن خەلق دۆلىتى» قۇرۇشنى، «دۆلەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپى» قۇرۇشنى تەرغىپ قىلغان، «تۆمۈردەك ئىش ھەققى قانۇنىيىتى» قاتارلىق ئاغمىچىلىق نۇقتىئىنەزەرلەرنى تەشۋىق قىلغان. سىياسىي جەھەتتە بىسمارك بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، پرۇسسىيىنىڭ خاندانلىق ئۇرۇشى ئارقىلىق گېرمانىيىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىنى قوللىغان. ماركس، ئېنگېلس «گوتا پروگراممىسىغا تەنقىد» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۇلارنى قاتتىق تەنقىد قىلغان، 70-يىللاردا لاسسالچىلارنىڭ گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى تەسىرى كۈنسايىن تارايغان. 1875-يىلى 5-ئايدا ئېيزىناخچىلار بىلەن بىرلىشىپ گېرمانىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى (1890-يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن)نى تەشكىل قىلغان.

لاسسالچىلىق

  • لاسسالچىلىق[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئاغمىچىلىق ئىدىيىۋى ئېقىم. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى لاسسال سىنىپتىن تاشقىرى دۆلەت قارىشىنى تەرغىپ قىلىپ، دۆلەت — «ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى تەربىيىلەپ ۋە ئالغا سۈرۈپ ئۇنى ئەركىنلىككە يېتەكلەيدىغان قورال»، پرولېتارىيات قانۇنىي ۋاسىتە قوللىنىپ ئومۇم سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرسىلا، پارلامېنت كۈرىشى ئارقىلىق پرۇسسىيىنىڭ مۇستەبىت دۆلىتىنى «ئەركىن خەلق دۆلىتى» گە ئايلاندۇرالايدۇ، دەپ قارالغان. پومېشچىك-بۇرژۇئا دۆلىتىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپلىرىنى قۇرۇپ، پرولېتارىياتنى «ئۆز كارخانىلىرىنىڭ خوجايىنى» غا ئايلاندۇرۇشنى خام خىيال قىلىپ، بۇ پرولېتارىياتنىڭ ئىقتىسادىي ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ «ئەڭ قانۇنىي، ئەڭ تىنچ ۋە ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى» دەپ قارىغان. ئۇ مالتۇسنىڭ نوپۇس نەزەرىيىسىگە ئاساسەن، «تۆمۈردەك ئىش ھەققى قانۇنىيىتى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كاپىتالىستىك ياللانما ئەمگەك تۈزۈمىنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيە ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ، ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش كۈرىشى ئېلىپ بېرىشىغا قارشى تۇرغان. «ئادىل تەقسىمات» نى تەرغىپ قىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش پرىنسىپىنى بۇرمىلاپ، پومېشچىك-كاپىتالىستلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان مۈلۈكچىلىكىنى يوقىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىنكار قىلغان. پرولېتارىياتنىڭ دېھقانلار ۋە كەڭ ئەمگەكچىلەر ئاممىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشىگە قارشى تۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپىدىن باشقا بارلىق سىنىپلارنىڭ ھەممىسى «ئەكسىيەتچىل بىر گۇرۇھ» دېگەن ھەمدە بۇرژۇئا مىللەتچىلىكى ئارقىلىق پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزمغا قارشى تۇرۇپ، پرۇسسىيە پادىشاھلىقىنىڭ تاشقى جەھەتتە يولغا قويغان تاجاۋۇزچىلىق-مىلىتارىزملىق سىياسىتىنى پائال قوللىغان. لاسسالچىلىق گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاغمىچىلىق نەزەرىيىلەرنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. لاسسال ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ سادىق مۇرىتلىرىدىن بېكېر (Bernhard Becker ، 1826 — 1882)، شۋېتزېر (Johann Baptist vot Schwetzer، 1834 — 1875)، ھاسىسېلمان (Wilhelm Hasselmann ، 1844 —؟) قاتارلىقلار لاسسالنىڭ ئاغمىچىلىقىنى داۋاملىق يولغا قويغان، ماركس ۋە ئېنگېلس «گوتا پروگراممىسىغا تەنقىد» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە لاسسالچىلىقنى تەلتۆكۈس تەنقىد قىلغان.

لاس كاساس

  • لاس كاساس[يەشمىسى:]Bartolome de Las Casas، 1474 —1566) ئىسپانىيە دومىنكو جەمئىيىتىنىڭ مىسسىئونېرى، تارىخشۇناس. سېۋىلىيىدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1502-يىلى گايتى ئارىلىغا بېرىپ تېرىقچىلىق مەيدانى قۇرغان. 1511 — 1514-يىللىرى ئىسپانىيىلىك مۇستەملىكىچى ۋېلاسكېس (Velas quez) بىلەن بىللە كۇباغا بارغان، كېيىن يەنە ۋېنسۇئېلا ۋە گۋاتېمالاغا بېرىپ دىن تارقاتقان. 1544 — 1547-يىللىرى مېكسىكا چىئاپاس (Chiapas) رايونىنىڭ ئېپىسكوپى بولغان. ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى زوراۋانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئىندىئانلارنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىگە ھېسداشلىق قىلىپ، ئىسپانىيە كورۇلىدىن ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشتا بىرقەدەر تەرەققىيپەرۋەر سىياسەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىنىڭ ھالاكىتى» ۋە «غەربىي ھىندى تارىخى» بار.

لاسكا ئۆڭكۈرىدىكى تام رەسىملىرى

  • لاسكا ئۆڭكۈرىدىكى تام رەسىملىرى[يەشمىسى:] ياۋروپا كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئۆڭكۈر تام رەسىملىرى. ئورنى فرانسىيىنىڭ غەرب جەنۇبىدىكى بېلگا ئۆلكىسىنىڭ دوردوگن (Dordogn) دېگەن ي-ېرىگە جايلاشقان مونتېنك (Montenk)كەنتىنىڭ جەنۇبىدىكى لاسكا (Lascaux) ئۆڭكۈرىدە. 1940-يىلى تېپىلغان. پۈتۈن ئۆڭكۈر ئاساسىي ئۆڭكۈر، ئارقا ئۆڭكۈر، يان ئۆڭكۈردىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا ۋە ئۈچ قىسىمنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كارىدورغا بۆلۈنگەن. ئۆڭكۈرنىڭ قىيا تاملىرىغا كۆپلىگەن رەسىملەر سىزىلغان. ئۆڭكۈر تاملىرىدىن تەپچىپ چىققان ھاك تېشى كرىستالى خۇددى رەسىملەرنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت سۈزۈك بوياق سۈرگەندەك بولغاچقا، رەسىملەر ئىنتايىن ياخشى ساقلانغان. تەخمىنەن 100 نەچچە پارچە رەسىم بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاشمايدۇ، چوڭلىرى 5.5 مېتر، كىچىكلىرى بىر مېتر ئەتراپىدا كېلىدۇ. رەسىملەر ئىچىدە ئاتنىڭ رەسىمى ئەڭ كۆپ، ئۇنىڭدىن قالسا كالا، كۆندۈرۈلگەن بۇغا، كەركىدان، ئۆڭكۈر ئېيىقى، بۆرە، قۇش قاتارلىقلار بار ھەم قىياسەن ھايۋان ۋە ئادەم رەسىملىرىمۇ بار. رەسىملەرنىڭ كۆپى توم سىزىقلىق ئومۇمىي كۆرۈنۈشلۈك ۋە قىيما سۈرەتلىك بولغان، يەنى قارا سىزىقلىق ئومۇمىي كۆرۈنۈشنىڭ ئىچىدە قىزىل، قارا، بېغىر رەڭلەر ئىشلىتىلىپ ھايۋاناتلارنىڭ ھەجمى ۋە ئېغىرلىقى بېزەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئوبرازى جانلىق، رەڭلىرى ئېنىق، ئىنتايىن تېتىك قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆتكۈر ئەسۋابلار بىلەن سىزىلغان ئاز بولمىغان ئويما رەسىملەرمۇ بار. بۇ رەسىملەر ماگدالېن مەدەنىيىتى دەۋرىدە سىزىلغان بولۇپ، ئىنفرا نۇرىدا سۈرەتكە ئېلىشنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا ئۇنى تۆت دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. يان ئۆڭكۈردىن قېزىۋېلىنغان ياغاچ كۆمۈر كاربون-14 ئارقىلىق ئۇنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقى 15517 ± 900 يىل قىلىپ ئۆلچەپ بېكىتىلگەن. بۇ رەسىملەر بۇنىڭدىن 15 مىڭ يىل ئىلگىرى ئۆڭكۈردە ياشىغان ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ كونا تاش قورال دەۋرىدىكى ئىنسانلارنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە.

لاسكى

  • لاسكى[يەشمىسى:]Harold Joseph Laski، 1893 — 1950) ئەنگلىيە لېيبورىستلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى (1945 — 1946)، سىياسىئون. مانچېستېردا تۇغۇلغان. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن.1914-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ ماككىل، خارۋارد، ئاموست، يالې قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دەرس ئۆتكەن. 1921 — 1930-يىللىرى ئەنگلىيە چوڭلار مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1922 — 1925-يىللىرى كېمبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1926-يىلدىن باشلاپ لوندون ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. فابىئان جەمئىيىتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى(1922 — 1936)، لېيبورىستلار پارتىيىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى(1936 — 1949) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. كوممۇنىزمغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن، «دېموكراتىك سوتسىيالىزم»نى كۆككە كۆتۈرۈپ، «بىرقەدەم-بىرقەدەمدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز-ئازدىن ئىسلاھ قىلىش»تىن ئىبارەت فابىئانچىلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرغان. «ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى»، «ھازىرقى زامان دۆلىتىنىڭ ھوقۇق چەكلىمىسى»، «سىياسىي نەمۇنە»، «كوممۇنىزم»، «ئېتىقاد، ئەقىل، مەدەنىيەت» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

لاسېدېمون

  • لاسېدېمون[يەشمىسى:]Lakedaimon ياكى Lacedaemon) قەدىمكى يۇنان پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىدىكى لاكونىيىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى بولۇپ، سپارتا دۆلىتى كېلىپ چىققان جاي (سپارتالىقلار قەدىمكى زاماندا دائىم «لاسېدېمونلار» دەپ ئاتالغان). ئېيتىشلارغا قارىغاندا، لاكونىس باش خۇدا زېۋىسنىڭ چوڭ ئوغلى ئىكەن، ئۇ پادىشاھ ئېۋروتاس (Eurotas، لاكونىيە چېگرىسى ئىچىدىكى بىر دەريانىڭ نامى)نىڭ قىزى سپارتا (Sparta) غا ئۆيلىنىپتۇ؛ پادىشاھنىڭ ۋارىسى بولمىغاچقا تەختكە ۋارىسلىق قىلىپتۇ. لاكونىيە لاسېدېمون دەپ ئاتىلىپتۇ، ئۇنىڭ ئاھالىسى لاسېدېمونلار دەپ ئاتىلىپتۇ؛ لاكونىيىنىڭ پايتەختى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى بىلەن «سپارتا» دەپ ئاتىلىپتۇ.

لاسسى

  • لاسسى[يەشمىسى:]1)پېتر پېتروۋىچ لاسسى Петр Петрович Лaccи، 1678 — 1751)روسىيە مارشالى. ئىرلاندىيىدە تۇغۇلغان. ئەسلىدە ئەنگلىيە، ئاۋسترىيە ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1700-يىلى روسىيە ئارمىيىسىگە قاتناشقان، ئۇزۇن ئۆتمەي شىمال ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1729-يىلى رىگا ئوبلاستىنىڭ گوبېرناتورى بولغان. روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە(1735 — 1739)روسىيە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، تۈركىيە ۋە قىرىم خانلىقى ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئازوۋ(Азoв)نى تارتىۋالغان. روسىيە-شۋېتسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە (1741 — 1743)روسىيە ئارمىيىسىگە باشچىلىق قىلىپ، بىرقانچە قېتىم غەلىبە قازىنىپ، شۋېتسىيە ئارمىيىسىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلغان. 1744-يىلىدىن باشلاپ لىفلياندىيە(Лиφляндия)نىڭ گوبېرناتورى ۋە تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى بولغان. (2)لوئىس دې لاسى(Luis de Lasy، 1775 — 1817). ئىسپانىيىلىك ھەربىي. ئەسلى يۇرتى ئىرلاندىيە. ناپولېئون ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1807-يىلى مۇرات (Murat)بىلەن بىللە ئىسپانىيىگە بارغان، ئىسپانىيىنىڭ فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن ئىسپانىيە ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1811-يىلى كاتالونىيە (Catalunia)نىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. فېردىناند Ⅶ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا قارشى چىققانلىقتىن ۋەزىپىسىدىن بوشىتىۋېتىلىپ، بارسېلونادا تەركىدۇنيا بولۇپ ياشىغان. 1817-يىلى 4-ئايدا بوس (Mi lans de Bosch، 1770 — 1829)بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى مەخپىي پىلانلىغان. خائىننىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشى بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. لاسسى قولغا ئېلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. 

لافارگ

  • لافارگ[يەشمىسى:]Paul Aafargue، 1842 — 1911)فرانسىيىلىك سوتسىيالىست، ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى. كۇبانىڭ سانتىياگو شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1851-يىلى پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن فرانسىيىنىڭ بوردو شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن. 1864-يىلى پارىژ مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇغان، لونگېنىڭ «سول قىرغاق گېزىتى»بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىككىنچى ئىمپېرىيىگە قارشى كۈرەشكە قاتناشقان. 1866-يىلنىڭ بېشىدا ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىگە بېرىپ داۋاملىق دوختۇرلۇقنى ئۆگەنگەن. بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال باش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. كۆپ ئۆتمەي ئىسپانىيە بىلەن ئالاقىلىشىش سېكرىتارى بولغان ھەمدە ماركس بىلەن تونۇشقان. 1868-يىلى ماركسنىڭ ئىككىنچى قىزى لائۇرا (Laura Marx، 1845 — 1911) بىلەن تۇرمۇش قۇرغان؛ شۇ يىلى پارىژغا قايتىپ كەلگەن. پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، بوردوغا كۆچۈپ كېلىپ، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال بوردو ياچېيكىسىنىڭ مۇخبىر سېكرىتارى بولغان. «دۆلەت مۇداپىئە» گېزىتىنى تەسىس قىلىپ، ئىنقىلابىي ئۇسۇل بىلەن تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. پارىژ كوممۇنىسى ئىنقىلابى باشلانغاندىن كېيىن، «بوردو مۇنبەر گېزىتى»دىن پايدىلىنىپ چەت ئۆلكىلەردە پارىژ كوممۇنىسىغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئىسپانىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ تەشكىلىي خىزمىتىگە كۈچ چىقارغان. 1872-يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ گائاگا قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، ئېنگېلسقا ياردەملىشىپ باكونىنغا قارشى ھۈججەت «سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتى»نى تۈزۈپ چىققان. 70-يىللاردا لوندوندا مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنى تەشكىللەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1880-يىلى ماركس، ئېنگېلسنىڭ يېتەكچىلىكىدە، گېد بىلەن بىرلىكتە فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان. 1882-يىلنىڭ بېشىدا ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن، فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسى سېنت-ئېتېن قۇرۇلتىيىغا ۋە ھەر قېتىملىق قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ، مۇمكىنچىلەرگە قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا«باراۋەرلىك گېزىتى» قاتارلىق سوتسىيالىستىك گېزىت-ژۇرناللاردا نۇرغۇن مۇھىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، فرانسىيىدە ماركسىزمنى تارقاتقۇچى ئاتاقلىق تەشۋىقاتچىغا ئايلانغان. 1891-يىلى ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال مەزگىلىدە، ئاغمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال قاتناشقان. 1905-يىلى فرانسىيە بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى (ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالى فرانسىيە ياچېيكىسى)نىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىدا رەھبەرلىك ئەزالىقىغا سايلانغان. 1911-يىل 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «مال-مۈلۈك ۋە ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى»، «ئىنقىلابنىڭ ئالدى-كەينىدىكى فرانسۇز تىلى»،«ماركس ھەققىدە ئەسلىمە» قاتارلىقلار بار.

لافارىنا

  • لافارىنا[يەشمىسى:]Giuseppe La Farina، 1815 — 1863) ئىتالىيىلىك سىياسىي ئەرباب. 1837-يىلى ناپلېسدا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئۇيۇشتۇرغان قوزغىلاڭغا قاتناشقان. 1847-يىلدىن باشلاپ فلورېنسىيىدە «ئېلبا» گېزىتىنى نەشىر قىلغان.1848 — 1849-يىللىرىدىكى ئىتالىيە ئىنقىلابىي مەزگىلىدە دېموكراتىك ئىدىيىنى تەشۋىق قىلغان. سىتسىلىيە قوزغىلىڭىغا پائال قاتنىشىپ، ئىنقىلابىي ھۆكۈمەتنىڭ مىنىستىرى بولغان.ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن ھەمدە جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن. 1857-يىلى مانىن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە «ئىتالىيە مىللىي جەمئىيىتى»نى قۇرۇپ، ساردىنىيە پادىشاھىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىتالىيىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان، كېيىن بۇ جەمئىيەتنىڭ رەئىسى بولغان. 1859-يىلى ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىچكى كابىنېتىغا قاتناشقان ھەمدە كاۋۇرنىڭ ئىشەنچسىگە ئىگە بولغان. 1860-يىلى گارىبالدىنىڭ «قىزىل كۆڭلەكلىك ئارمىيىسى» سىتسىلىيە ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، كاۋۇرنىڭ ھاۋالە قىلىشى بىلەن بۇ ئارالنى ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ نەتىجە چىقىرالمىغان ھەمدە سىتسىلىيە ئارىلىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1861-يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىتالىيە دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە پارلامېنت ئەزاسى بولغان.

لافايېت

  • لافايېت[يەشمىسى:]Marie Joseph Motier La Fayette، 1757 — 1834)فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى پادىشاھلىق — ئاساسىي قانۇنچىلارنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى، گېنېرال. ئاقسۆڭەكلىكتىن كېلىپ چىققان. شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، «يېڭى دۇنيانىڭ قەھرىمانى»دېگەن نامغا ئىگە بولغان. 1787-يىلدىكى فرانسىيە «ئاقسۆڭەكلەر يىغىنى»دا كورۇلنىڭ باج سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىرىشنى تەلەپ قىلغان، «مىللىي پارلامېنت» دېگەن نامنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. 1789 -يىلى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە ئۈچىنچى تەبىقە بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلغان ئىمتىيازلىق تەبىقىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى، مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىقىغا سايلانغان. ئۆكتەبر ۋەقەسىدە پادىشاھ جەمەتىنى قوغداپ پارىژغا ئەكىلىپ قويغان. 1790-يىل 7-ئاينىڭ 17-كۈنى مارس مەيدانىدىكى قانلىق ۋەقەنى پەيدا قىلغان. 1792-يىلى 10-ئاۋغۇست ئىنقىلابىدىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، سەپەر ئۈستىدە ئاۋسترىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشۈپ بەش يىل قاماپ قويۇلغان. 1797-يىلى «كامپوفورمىئو سۈلھ شەرتنامىسى»گە ئاساسەن قويۇپ بېرىلگەن.ئىجرائىيە ھۆكۈمىتى ۋە بىرىنچى ئىمپېرىيە دەۋرىدە خىزمەتتىن چېكىنىپ يېزىدا ئۆزىنى دالدىغا ئالغان. بوربون خاندانلىقى تىرىلگەندىن كېيىن پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىپ، لىبېرالىزمچى ئۆكتىچىلەرنىڭ داھىيسىدىن بىرىگە ئايلانغان. 1830-يىل ئىيۇل ئىنقىلابىدا مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئورلېئان كېنەزىنى يۆلەپ تەختكە چىقارغان. ئەسلىمە ۋە خەت-چەكلەر توپلىمى بار.

لاففىتتې

  • لاففىتتې[يەشمىسى:]Jacques Laffitte، 1767 — 1844)فرانسىيە باش ۋەزىرى (1830 — 1831). نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. 1788-يىلغىچە پارىژدا بانكا ھېساباتچىسى، كېيىن دىرېكتور بولغان ھەمدە قوشۇمچە فرانسىيە بانكىسىنىڭ باشلىقى ۋە لىدىرى بولغان. 1816-يىلى ئاۋام پالاتاغا سايلاپ كىرگۈزۈلگەن، 1830-يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولغان. چارلېس Ⅹ ئېلان قىلغان قاچقۇنلارغا تۆلەم تۆلەپ بېرىش توغرىسىدىكى پەرمان بىلەن زىيان تارتىپ، تىرىلگەن خاندانلىققا قارشى تۇرغۇچى بولۇپ قالغان. تىيېر قاتارلىقلارنىڭ گېزىت چىقىرىشىغا ياردەم بېرىپ، ئورلېئان جەمەتىنىڭ تەختكە چىقىشى ئۈچۈن جامائەت پىكرى پەيدا قىلغان. ئىيۇل خاندانلىقى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ ۋەزىرى بولغان، ئىچكى كابىنېتنىڭ باش ۋەزىرى، قوشۇمچە مالىيە ۋەزىرى بولغان. قارشى گۇرۇھتىكىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئىستېپا بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپلىگەن مال-مۈلكىدىن مەھرۇم بولغان. 1837-يىلى يەنە ئىجتىمائىي بانكا تەسىس قىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەسلىمە يازغان. 

لافوللېت

  • لافوللېت[يەشمىسى:]Robert Marion La Follette، 1855 — 1925)ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى. 1879-يىلى ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن ئادۋوكات بولغان. 1885 — 1891-يىللىرى ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان،«ماك-كىنلى چېگرا بېجى قانۇنى»نى تۈزۈشكە ياردەملەشكەن.ئۈچ قېتىم ۋىسكونسىن شتاتىنىڭ شتات باشلىقى (1900 — 1906)بولغان. 1907 — 1925-يىللىرى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تىنچلىقپەرۋەر بولغان. زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتى پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن، تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە كۈچ چىقىرىپ، ئۈچىنچى پارتىيە قۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 1924-يىلى تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى تەرىپىدىن زۇڭتۇڭ نامزاتى قىلىپ بەلگىلەنگەن. لېكىن سايلام رىقابىتىدە مەغلۇپ بولغان. «تەرجىمىھال -سىياسىي كەچۈرمىشلىرىم ھەققىدە بايان» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

لافونتائىن

  • لافونتائىن[يەشمىسى:]Henri Lafontaine، 1854 — 1943)بېلگىيىلىك خەلقئارا قانۇنشۇناس، خەلقئارا تىنچلىق بيۇروسىنىڭ رەئىسى (1907 — 1943). بىريۇسسېلدا تۇغۇلغان. بىريۇسسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1877-يىلى سودىيە بولغان، كېيىن خەلقئارا قانۇننى تەتقىق قىلىش بىلەن داڭقى چىققان. 1893-يىلى بىريۇسسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا قانۇن پروفېسسورى بولغان. 1895-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە كېڭەش پالاتاسىغا كىرگەن. 1919 — 1932-يىللىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. خەلقئارا كېسىمگە ئىنتايىن قىزىققان، 1899 — ۋە 1907-يىللىرىدىكى ئىككى قېتىملىق دېڭىز ئارمىيە يىغىنىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 1919-يىلى بېلگىيە ۋەكىلى بولۇپ پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. 1920-ۋە 1921-يىللىرى بېلگىيىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقتا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان. خەلقئارا ماتېرىياللار ئورنىنىڭ مۇدىرى ۋە خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ كاتىپى بولغان. شۇنداقلا «خەلقئارا تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغۇچىلارنىڭ بىرى. «خەلقئارا قانۇن ۋە تىنچلىق توغرىسىدىكى كىتاب-ژۇرناللارنىڭ كاتولىكى»، «بىر چوڭ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى»قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 1913-يىلى روئوت (Elihu Root، 1845 — 1937)بىلەن بىرلىكتە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. 

لافوئېنت

  • لافوئېنت[يەشمىسى:]Modesto Lafuentey ZamaIIoa، 1806 — 1866) ئىسپانىيىلىك تارىخشۇناس، مۇخبىر. 1832-يىلى تېنولوگىيە پەنلىرى باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ باشچىلىقىدا سىياسىي خاراكتېرلىك ھەجۋىي ژۇرنال «رەزىل مېسسونى» نەشىر قىلىنغان. 1854 — 1856-يىللاردىكى ئىنقىلابقا قاتناشقان. 1857-يىلى خانلىق تارىخ جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. «ئىسپانىيە ئومۇمىي تارىخى» دېگەن 30 توملۇق ئەسىرىنىڭ ماتېرىيالى مول، تەپسىلىي ۋە ئېنىق بولۇپ، تا ھازىرغىچە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا ئەسەرلىرىدىن «ⅩⅨ ئەسىردىكى ئىجتىمائىي تىياتىرلار»، «ھاۋادىكى ساياھەت» قاتارلىقلار بار.

لاكنوۋ ئەھدىنامىسى

  • لاكنوۋ ئەھدىنامىسى[يەشمىسى:] «لاكنوۋ كېلىشىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىندىستان خەلق كونگىرېسى پارتىيىسى بىلەن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى كېڭىشىپ تۈزگەن ھىندىستاندا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پروگراممىسى. 1916-يىلى 12-ئايدا لاكنوۋدا ئىككى پارتىيىنىڭ ئۆز ئالدىغا چاقىرغان يىللىق يىغىنىدا ماقۇللانغان. ئۇنىڭدا ھىندىستان «ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسىدە دومىنىئون بىلەن باراۋەر» بولغان ئاپتونومىيىگە ئىگە بولۇش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن، مەركىزىي قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى بىلەن ھەرقايسى ئۆلكىلىك قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ بەشتىن تۆتىنى خەلق سايلاش، مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن ھەرقايسى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ يېرىمىنى قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ تەيىنلەش تەلەپ قىلىنغان. خەلق كونگىرېسى پارتىيىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ۋەكىل سايلاش پرىنسىپىنى قوبۇل قىلغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان ئاز ساندىكى ئۆلكىلەردە ئاساسىي نامزاتقا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان. ئۇ ھىندىستان خەلق كونگىرېسى پارتىيىسى بىلەن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ھاسىل قىلغان تۇنجى كېلىشىمى بولۇپ، ھىندى دىنىدىكىلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپە ھەرىكىتىگە ۋە 1920-يىلى گەندى قوزغىغان ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىشى ئۈچۈن شەرت ھازىرلىغان.

لاكنوۋنى قوغداش ئۇرۇشى

  • لاكنوۋنى قوغداش ئۇرۇشى[يەشمىسى:] 1857-يىلدىكى ھىندىستان مىللىي چوڭ قوزغىلىڭىدا قوزغىلاڭچى ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ ئودېنىڭ مەركىزى لاكنوۋ (Lacknow)نى قوغداش جېڭى. 1857-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى لاكنوۋدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، قوزغىلاڭ ئودېدىكى ئالتە ۋىلايەتكە كېڭەيگەن. ئۇزاق ئۆتمەي قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى لاكنوۋنى ئىشغال قىلغان. 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، دېھلى ۋە كانپۇر(Cawnpore)نىڭ ئىلگىرى -كېيىن قولدىن كېتىشى بىلەن قوزغىلاڭنىڭ مەركىزى لاكنوۋغا يۆتكەلگەن، بۇ يەرگە 50 مىڭ كىشىلىك قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى يىغىلىپ، ئەنگلىيە قوشۇنىنى بىرنەچچە قېتىم مەغلۇپ قىلغان. 1858-يىل 3-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئەنگلىيە ئارمىيىسى 90 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچ بىلەن كەڭ تۈردە ھۇجۇم قىلغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى دۈشمەن بىلەن قانلىق جەڭ قىلغان. 3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە بولغان توققۇز كۈن ئىچىدە، دۈشمەننىڭ سانسىزلىغان ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. 14-كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ باش شتابى تۇرۇۋاتقان كائېسابا خان سارىيىغا قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالغان. 19-كۈنى ئەنگلىيە قوشۇنى پۈتۈن شەھەرنى ئىشغال قىلغان. 21-كۈنى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ قالدۇق قىسمى روھىلكاند (Rohilkhand)قا يۆتكەلگەن.

لاكونىيە

  • لاكونىيە[يەشمىسى:]Laconica Lakonike ياكى Laconia) قەدىمكى يۇنان پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىر رايون، سپارتا دۆلىتى كېلىپ چىققان جاي. شىمالىي ئاركادىيە ۋە ئاگروسقا تۇتىشىدۇ، غەربىي تايگېت (Taygetus)تېغى ۋە مېسسېنىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىز بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئەتراپىدا تاغ كۆپ بولۇپ، غەربىي قىسمىدىكى ئېۋروتاس دەرياسى ۋادىسى تۈزلەڭلىك رايونى ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبىي قىسمىدا گوتېئوم پورتى (Gotheum، لاكونىكا[Лаконика]قولتۇقى بويىدا) بار. يىراق قەدىمكى زاماندىكى ئاھالىسى كىنۇرىئالار (Cynurians) بىلەن لېلېگلار(Leleges) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ تەخمىنەن مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاخايدلار(Ахайд) بېسىپ كىرىپ بۇ جاينى بويسۇندۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن لاكونىيە (ۋە پۈتۈن پېلوپوننېس) مىكېناي مەدەنىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىردە دوريانلار (Дорянъы)نىڭ بىر تارمىقى بۇ جايغا بېسىپ كىرىپ مىكېناي مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلغان)، پەيدىنپەي لاكونىيىنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىردە ئېۋروتاس دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدا سپارتا شەھىرى باش كۆتۈرگەن. قەدىمكى زاماندا، لاكونىيە بەزىدە لاسېدىمون دەپمۇ ئاتالغان.

لاكۋېت دۆلىتى

  • لاكۋېت دۆلىتى[يەشمىسى:] مالاييادىكى قەدىمكى دۆلەت. ھازىرقى مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ جوخور دېگەن يېرىگە جايلاشقان. مىلادى Ⅶئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە سودا-سېتىقتا تەرەققىي قىلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دېڭىز سودىسىنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ دۆلەتنىڭ سودا كېمىلىرى ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا گۇاڭجۇغا كېلىپ تۇرغان. ⅩⅤ ئەسىردىن كېيىن ئىلگىرى -ئاخىر بولۇپ مالاككا دۆلىتى ۋە جوخور دۆلىتىگە قوشۇۋېتىلگەن. 

لاكشىمى باي

  • لاكشىمى باي[يەشمىسى:]LaksmiВаi، تەخمىنەن 1835 — 1858) 1857-يىلىدىكى ھىندىستان مىللىي چوڭ قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. جانسى بەگلىكى پادىشاھىنىڭ خانىكىسى، ئادەتتە جانسنىڭ ئايال پادىشاھى دەپ ئاتىلىدۇ. 1853-يىلى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندە زېمىنى قوشۇۋېلىنغان. چوڭ قوزغىلاڭ پارتلىغاندىن كېيىن، ئارمىيە ۋە خەلققە باشچىلىق قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى قوغلاپ چىقىرىپ، دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1858-يىل 4-ئاينىڭ 5-كۈنى جانسى قولدىن كەتكەندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ يەنە بىر رەھبىرى تانتىئا توپى (Тантиа Топи) بىلەن كالپى(Kalpi)ۋە گۋالىئور(Gwalior) دا ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلغان. 6-ئايدا مارار(Marar)دا مەغلۇپ بولۇپ، 18-كۈنى قۇربان بولغان.

لاگاش

  • لاگاش[يەشمىسى:]Lagash)مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇمېرلارنىڭ شەھەر دۆلىتى. تىگر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى (ھازىرقى ئىراق چېگرىسى ئىچىدە) غا جايلاشقان. تەخمىنەن مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان. ئېئانناتۇم (Eannatum)تەختتە ئولتۇرغان ۋاقىتتا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى) شىمالدىكى كىش (Kish)نى مەغلۇپ قىلغان، ئۇر-ئۇرۇك ۋە لارسا قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرىنى بويسۇندۇرغان ھەمدە شىمالدىكى قوشنىسى ئومما (Umma)بىلەن ئۇزاق ۋاقىت چېگرا توقۇنۇشى ئېلىپ بارغان.داڭلىق «ئېئانناتۇم بۈركۈت ئابىدىسى» (پارىژ لۇف مۇزېيىدا ساقلانماقتا)دە بۇلارئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇرۇكگىنا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر(مىلادىدىن ئىلگىرى 2378 — 2371)دە ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. سەككىز يىل ئۆتۈپلا ئومما ۋە ئۇرۇك بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغاندا ئىسلاھاتمۇ توختاپ قالغان. كېيىن لاگاش ئاككاد پادىشاھلىقى بىلەن كۇتىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅪ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، گۇدېئا (Gudea)تەختتە ئولتۇرغان ۋاقىتتا بىر مەزگىل گۈللەنگەن؛ شۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئامورېلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. كېيىن قايتىدىن ياسالغان بولۇپ، پارفىيە پادىشاھلىقىدىن كېيىن تەدرىجىي خارابلاشقان.1877 — 1933-يىللىرى لاگاش خارابىسى (ھازىرقى ئىراقنىڭ ھېببېخ Ei Hebbeh دېگەن يېرى)دا ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بېرىلغاندا، كۆپلىگەن مىخ يېزىق سېغىز تاختا بەتلەر ۋە باشقا نۇرغۇن خارابىلەر تېپىلغان. بۇ مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ دەسلەپكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.

لاگېركۋىست

  • لاگېركۋىست[يەشمىسى:]Par Fabian Lagerkvist، 1891 — 1974)شۋېتسىيىلىك شائىر، يازغۇچى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچى. يۇرتىدىكى ۋېكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. فرانسىيە، ئىتالىيە، گرېتسىيە، تۇنىس، مىسىر، پەلەستىن قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلغان. جەمئىيەتتىكى ئادالەتسىزلىككە نارازى بولۇپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرغان، فاشىستلارنىڭ ۋەھشىي ھۆكۈمرانلىقىنى سۆككەن. ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ قەلب ھەرىكىتى ۋە ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنى يازغان.1951-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن شېئىرلار توپلىمى «ھەسرەت»، «پەتەك» ناملىق رومانى قاتارلىقلار بار.

لاگېرلوف

  • لاگېرلوف[يەشمىسى:]Selma Lagerlōf، 1858 — 1940) شۋېتسىيىلىك ئايال يازغۇچى، شائىر. فامىلىن كەنتىدىكى ماباك قورۇقىدا تۇغۇلغان. دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرگەن.1885 — 1895-يىللىرى قىزلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1891-يىلى «گۇست بىلىن ھەققىدە ھېكايە»دېگەن تۇنجى ئەسىرىنى يازغان. كېيىن مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە خەلق ئەپسانىيلىرىنى ماتېرىيال قىلىپ، يېزا تۇرمۇشى ۋە يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشكە بولغان تەسىراتىنى بايان قىلغان.1899 — 1900-يىللىرى مىسىر ۋە پەلەستىندە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا فاشىستلارغا قارشى كۈرەشكە قاتناشقان. 1909-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇ ئاياللار ئىچىدە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى كىشى ھېسابلىنىدۇ. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئېرۇسالىم»، «نېلىسنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتلىرى»، «ماباك، بىر قورۇق ھەققىدە ھېكايە»، «لاگېرلوف كۈندىلىك خاتىرىسى» قاتارلىقلار بار.

لاگىر

  • لاگىر[يەشمىسى:] قورۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋيېتنامنىڭ لى سۇلالىسى دەۋرىدە (1010 — 1225)ئۇرۇش ئەسىرلىرىگە ۋە مەھبۇسلارغا ئاچقۇزۇلغان قورۇق. ئۇ دۆلەت ئىگىلىكىدە بولۇپ، مەھسۇلاتمۇ پۈتۈنلەي دۆلەتكە مەنسۇپ بولغان. يەر تېرىغۇچىلار (ئاساسەن ئەسىرلەر)دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيىگە ئۇچراپ، قۇللۇق (بەزى قاراشتا يانچىلىق) ئورۇندا تۇرغان.

لامارتىن

  • لامارتىن[يەشمىسى:] (Alphonse Marie Louisde Lamartine، 1790 — 1869) فرانسىيىلىك سىياسىي ئەرباب، تارىخشۇناس، رومانتىزمچى شائىر. ماكون شەھىرىدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدە دىنىي تەربىيە ئالغان. ناپولېئون ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ھۆكۈمەتتە خىزمەت ئۆتىشىنى توسۇغاچقا، بىكارچىلىقتا ھەرقايسى جايلارنى سەيلە قىلغان ھەمدە يېزىقچىلىقنى باشلىغان. بوربون خاندانلىقى تىرىلگەن چاغدىلا ئارمىيىگە قاتناشقان. 100 كۈنلۈك خاندانلىق دەۋرىدە شۋېتسارىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1820-يىلى «خىياللار» ناملىق ئەسىرىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، فرانسىيە ئەدەبىيات ساھەسىدە نام چىقىرىپ، رومانتىزملىق لىرىك شېئىرنىڭ ئاساسچىسى دەپ ماختالغان. شۇ يىلى دىپلوماتىيە ساھەسىگە كىرىپ، ئىتالىيىدە تۇرغان، ئون يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1829-يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە تاللىنىپ كىرگەن. 1833-يىلدىن باشلاپ پارلامېنتقان كىرگەن. سىياسىي كۆزقاراش جەھەتتە تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، مۇتەئەسسىپ مونارخىستتىن جۇمھۇرىيەتچىگە ئۆزگەرگەن. 1847-يىلى «گروندىچىلارنىڭ تارىخى» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ، سول قانات پارتىيىدىكىلەرنىڭ قىزغىن ماختىشىغا ئېرىشكەن. 1848-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولغان، ئىيۇن قوزغىلىڭى ۋاقتىدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 12-ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا لۇئى بوناپارتقا ئۇتتۇرۇپ قويغان. 1851-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە پارلامېنت ئەزاسى بولغان. كېيىن نامراتلىشىپ يېزىقچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئەسەرلىرىدىن نۇرغۇن شېئىرلار توپلىمى، ھېكايە ھەمدە «سىياسىي ئەسلىمە» ۋە «ئاساسىي قانۇنچىلار تارىخى»، «تىرىلىش دەۋرىنىڭ تارىخى»، «روسىيە تارىخى»، «تۈركىيە تارىخى» قاتارلىقلار بار.

لامارسا كېلىشىمى

  • لامارسا كېلىشىمى[يەشمىسى:] يەنى «مارسا كېلىشىمى».

لامارك

  • لامارك[يەشمىسى:] (Jean Baptiste Pierre Antoine de Monet Lamarck،1744— 1829)فرانسىيىلىك تەبىئەتشۇناس، جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىيات تەلىماتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى. ۋەيران بولغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدە دىنىي تەربىيە ئالغان. 17 يېشىدا ئارمىيىگە قاتنىشىپ پودپورۇچىكلىككە كۆتۈرۈلگەن. 1766-يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ھەربىي خىزمەتتىن بوشانغاندىن كېيىن دوختۇرلۇقنى ئۆگەنگەن ھەمدە خىمىيە، فىزىكا، ھاۋا رايى ئىلمى ۋە بوتانىكا قاتارلىق پەنلەرنى ئۆگەنگەن. 1779-يىلى خانلىق تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە كىرگەن. 1781 — 1782-يىللىرى ياۋروپانى ساياھەت قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى مۇزېيىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان. خانلىق باغچىدا خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، 1788-يىلى يەنە بوتانىكا ئۇستازى بولغان. 1793-يىلى تەبىئەت تارىخى مۇزېيىنىڭ ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1809-يىلى ئۆزىگە خاس تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، كېيىن ئۇ لامارك تەلىماتى دەپ ئاتالغان. ئەينى ۋاقىتتا كەڭ تارقالغان تاسادىپىي ھالاكەتلىك ئۆزگىرىش نەزەرىيىسى ۋە تۈرلەر ئۆزگەرمەيدۇ نەزەرىيىسى بىلەن بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ تەلىماتى بىئولوگىيىلىك تەدرىجىي تەرەققىيات تەلىماتىغا نىسبەتەن زور تەسىر كۆرسەتكەن، لېكىن ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ۋېسمان (August Weisman، 1834 — 1914) ئىرسىيەت ئىلمىي ئېقىمىنىڭ جەڭ ئېلان قىلىشىغا دۇچ كەلگەن. «فرانسىيە ئۆسۈملۈكلىرى تەزكىرىسى»، «ئومۇرتقىسىز ھايۋاناتلار سىستېمىسى»، «ھايۋاناتلار پەلسەپىسى»، «ئومۇرتقىسىز ھايۋاناتلارنىڭ تەبىئىي تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

لامارمورا

  • لامارمورا[يەشمىسى:]Alfonso Ferrero Marmora، 1804 — 1878) ئىتالىيە گېنېرالى، ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى (1859 — 1860، 1864 —1866). تۇرىندا تۇغۇلغان. 1848 — 1849-ۋە 1855-يىلى ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ ھەربىي ئىشلار ۋەزىرى بولغان، 1848 — 1849-يىللىرىدىكى ئاۋسترىيىگە قارشى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1855-يىلى قىرىم ئۇرۇشىدا ساردىنىيە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ روسىيە ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. 1856 — 1859-يىللىرى يەنە ھەربىي ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1859-يىلى ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ساردىنىيە پادىشاھلىقى ئارمىيىسىگە باش شتاب باشلىقى بولغان. ئىككىنچى قېتىم باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلغان. 1866-يىلى 7-ئايدا پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندا باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، باش شتاب باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان. كوستوسسا (Костосса) دا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئەيىبنى بوينىغا ئېلىپ ۋەزىپىسىدىن بوشانغان.

لامبېرت فون (ھېرىسفېلدلىق)

  • لامبېرت فون (ھېرىسفېلدلىق)[يەشمىسى:]Lambert von Hersfeld، تەخمىنەن ؟ — 1088) گېرمانىيىلىك يىلنامىچى. باي ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1058-يىلى ھېرىسفېلدتىكى بېنېدىكتىنلىق موناستىرىدا موناخ بولغان. قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى تارىخچى لىۋىئوسنىڭ ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلىپ «يىلنامە» يازغان. «يىلنامە» نىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇرۇنقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئېلىنغان، 1040 — 1077-يىللاردىكى تارىخىنى ئۆزى يازغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى ھېنرىخ Ⅳ بىلەن پاپاگرىگورى Ⅶئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي-دىنىي تالاشلار ۋە 1073 — 1075-يىللاردىكى ساكسىن قوزغىلىڭىنىڭ تارىخىي ۋەقەلىرىنى خاتىرىلىگەن.

لامبىڭ فلات توپىلىڭى

  • لامبىڭ فلات توپىلىڭى[يەشمىسى:] ⅨⅩئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئاۋسترالىيىدىكى ئالتۇن چايقاش دەۋرىدە يۈز بەرگەن جۇڭگولۇقلارنى چەتكە قېقىش ۋەقەسى. 1860-يىلى يېڭى جەنۇبىي ۋېلېس مۇستەملىكە رايونىدىكى لامبىڭ فلات (Lambing Flat) يېنى-دىكى بۇررانگوڭ (Burrangong) دېگەن يەردە ئالتۇن كېنى تېپىلىپ، كۆپلىگەن ياۋروپالىق ۋە جۇڭگولۇقلارنى جەلپ قىلغان. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئالتۇن چايقىشىنى چەتكە قېقىش ئۈچۈن، ياۋروپالىقلار يىغىن ئۆتكۈزۈپ كۈچ كۆرسىتىپ، بۇررانگوڭ «ياكى ياۋروپالىقلارنىڭ ئالتۇن كېنى بولسۇن، يا جۇڭگولۇقلارنىڭ زېمىنى بولسۇن» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ چېدىرلىرىنى بۇزۇۋەتكەن. 1861-يىلنىڭ بېشىدا، كانچىلارمۇ مۇھاپىزەت ئىتتىپاقى قۇرۇپ، جۇڭگولۇقلارنى ھەيدىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. شۇ يىلى 6-ئايدا تەخمىنەن 3000 ياۋروپالىق توپىلاڭ كۆتۈرۈپ جۇڭگولۇقلارنى لامبىڭ فلاتتىن قوغلىۋەتكەن. 11-ئايدا يېڭى جەنۇبىي ۋېلېس مۇستەملىكە دائىرىلىرى جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ يەرگە كىرىشىنى چەكلەيدىغان كۆچمەنلەر قانۇنىنى ئېلان قىلغان.

لامپرېشت

  • لامپرېشت[يەشمىسى:] (Karl Lamprecht، 1856 — 1915) گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس. دەسلەپكى يىللاردا بۇنن داشۆسىدە ئوقۇغان. بۇنن، ماربۇرگ قاتارلىق داشۆلەردە تارىخشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. 1891-يىلدىن تارتىپ لېيپسىگ داشۆسىدە پروفېسسور بولغان. ئامېرىكىدا كولومبىيە داشۆسىنىڭ پەخرىي دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. كۆپ مەنبەچىلىك مەدەنىيەت تارىخىي قارىشىنى تەشەببۇس قىلغان، تارىخنىڭ تەرەققىياتى ئىجتىمائىي، روھىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، كوللېكتىپ روھىي ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى تارىخ تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلىرىنى بەلگىلەيدۇ، دەپ قارىغان. رانكې ئېقىمىنىڭ تارىخنى سىياسىي تارىخ بىلەن باراۋەر قىلىپ قويىدىغان قارىشىنى تەنقىد قىلغان، تارىخ تەتقىقاتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەن، مىللەت، جەمئىيەت، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تارىخىغا ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى «ئوتتۇرا ئەسىردىكى گېرمانىيىنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشى»(ئۈچ توم)؛ «گېرمانىيە تارىخى» (12 توم)، كېيىن يەنە «گېرمانىيىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى» (ئۈچ توم) نى يېزىپ ئالدىنقى كىتابنىڭ قوشۇمچىسى قىلغان.

لامۇرى

  • لامۇرى[يەشمىسى:]Lamuri) ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. سۇماترا ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىي بۇرجىكىگە جايلاشقان. بىر مەزگىل سىرىۋىجايا دۆلىتىگە بېقىندى بولۇپ، كېيىن مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ⅩⅣ ئەسىرنىڭ بېشىغىچە ئىسلام دىنى تارقىلىپ كىرگەن. سەيلون (ھازىرقى سىرىلانكا) بىلەن سودا ئالاقىسى ناھايىتى زىچ بولغان. 1408-يىلى (مىڭ سۇلالىسى يوڭلېنىڭ 6-يىلى) جۇڭگولۇق دېڭىزچى جېڭخې بۇ دۆلەتكە بارغان.

لامېت Alexandre

  • لامېت Alexandre[يەشمىسى:] Theodore - Victor, Comte de Lameth، 1760 — 1829) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى فېللانچىلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى. شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1789-يىلى 5-ئايدا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ ئۈچ تەبىقە يىغىنىغا قاتناشقان. 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈچىنچى تەبىقىنىڭ مىللىي پارلامېنتىغا قاتناشقان. فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى بىكار قىلىش ۋە كورۇلنىڭ مۇتلەق ھوقۇقىنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىغان. 1791-يىلى بارناۋ، دوپور بىلەن فېللان كۇلۇبىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، «ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقى» نى تەشكىل قىلىپ، مونارخىيىلىك ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ياكوبىنچىلار كۇلۇبى بىلەن قارشىلاشقان. 1792-يىلى 4-ئايدا ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندا، شىمالىي يول ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان؛ 8-ئاينىڭ 19-كۈنى لافايېت بىلەن بىللە چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. ناپولېئوننىڭ تۇمانلىق ئاينىڭ ئون سەككىزىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، ۋىلايەت باشلىقى، ۋەزىر قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. بوربون خاندانلىقى تىرىلگەندىن كېيىن، 1819-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىپ، پارلامېنتتىكى لىبېرالىزمچى ئۆكتىچى بولغان. «ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنت تارىخى» دېگەن ئەسىرى بار.

لامېتترى

  • لامېتترى[يەشمىسى:] (Julien Offray de La Mettrie، 1709 — 1751) فرانسۇز پەيلاسوپ. باي سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپتە تىنولوگىيە ئۆگەنگەن، كېيىن كەسپىنى ئۆزگەرتىپ دوختۇرلۇق قىلغان. ماتېرىيالىزمنى ۋە ئاتىئېزمنى تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن چەت ئەلگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان، پرۇسسىيىدە ۋاپات بولغان. ئۇ دېكارت (Декарт) نىڭ فىزىكىسىدىكى ماتېرىيالىستىك ئىدىيىنى جارى قىلدۇرۇپ، ماددا بىردىنبىر ئەمەلىي مەۋجۇدىيەت ئىكەنلىكىنى، ماددا بىلەن ھەرىكەتنىڭ ئايرىلمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھەمدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ روھ — ماددىنىڭ خۇسۇسىيىتى، روھ تەندىن ئايرىلىپ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، دەپ قارىغان. ئۇ كېسىپ: «ئادەم — ماشىنا»؛ ئىككى پۇتنىڭ مۇسكۇللىرىدا بولىدىغان مېخانىك ھەرىكەت ئادەمنى ماڭغۇزىدۇ، ئادەم مېڭىسىدىكى مېخانىك ھەرىكەت تەپەككۇرنى پەيدا قىلىدۇ دېگەن. بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتە لوك (Локк)نىڭ تۇيغۇ نەزەرىيىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تۇيغۇ جىمىكى بىلىشنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. لېكىن ئۇ بىلىش تاشقى شەيئىلەرگە نىسبەتەن پاسسىپ، بىۋاسىتە كۆزىتىش، مېخانىكىلىق ئىنكاستىن ئىبارەت دەپ قارىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «روھنىڭ تەبىئىي تارىخى»، «ئادەم — ماشىنا»، «ئادەم — ئۆسۈملۈك»، «ھۇزۇرلىنىش سەنئىتى» قاتارلىقلار بار.

لامىسېسⅢ

  • لامىسېسⅢ[يەشمىسى:] (Ramses Ⅲ ياكى Ramesses) قەدىمكى مىسىر 20-سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1198 — 1166). ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ياللانما ئەسكەرلەردىن پايدىلىنىپ لىۋىيىلىكلەرنىڭ ۋە «دېڭىز مىللىتى» نىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرگەن. تېبېس شەھىرىنىڭ سىرتىغا مېدىنېت-خابۇ(Habu Medinet) ئىبادەتخانىسىنى سالدۇرغان، ئىبادەتخانىغا ئۆزىنىڭ ئۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئويدۇرغان. ئامون ئىبادەتخانىسىغا كۆپ مىقداردا يەر، ئات-ئۇلاغ ۋە قۇللارنى ھەدىيە قىلىپ، ئۇنى باج-سېلىق تاپشۇرۇش ۋە ھەربىي خىزمەت ئۆتەشتىن خالاس قىلىپ، روھانىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھوقۇق-كۈچىنى ئۆستۈرگەن. ئوردا سۇيىقەستىدە ئۆلگەن. 

لاندېر

  • لاندېر[يەشمىسى:] (Richard Lemon Lander، 1804 — 1834) ئەنگلىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى. 1825-يىلى كلاپپېرتون ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىگە قاتنىشىپ، غەربىي ئافرىقىدىكى سوكوتوغا بارغان. كلاپپېرتون 182-يىلى ئۆلگەندىن كېيىن داۋاملىق تۈردە شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئ-ىلگىرىلەپ كانو (Kano) غا بارغان، كېيىن يورۇبا (Yoruba) رايونى ئارقىلىق دېڭىز ساھىلىگە قايتىپ كەلگەن. 1829-يىلى كلاپپېرتوننىڭ ئاخىرقى قېتىملىق تەكشۈرۈش پائالىيىتى تەسۋىرلەنگەن ساياھەت خاتىرىلىرىنى ئېلان قىلغان. 1830-يىلى ئىنىسى جون لاندېر بىلەن بىللە، يەنە بىر قېتىم غەربىي ئافرىقىنى تەكشۈرۈشكە بارغان. 3-ئايدا نىگېرىيىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدىكى باداگرى (Badagry) دا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، نىگېر دەرياسىنى بويلاپ يۇقىرىغا قاراپ بۇسسا (Bussa) غا بارغان ۋە نىگېر دەرياسىنىڭ تەخمىنەن 160 كىلومېتر بۆلىكىنى تەكشۈرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن دەريا ئېقىنى بويىچە دەريا دىلتىسىغا بارغاندا، ئىبو قەبىلىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. كېيىن فېرناندوپو (Fernando Poo) ئارىلىغا يۆتكەپ كېتىلگەن. 1832-يىلى يەنە ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنى باشلاپ غەربىي ئافرىقىغا كېلىپ، نىگېر دەرياسىدا يەرلىك قەبىلە كىشىلىرى تەرىپىدىن يارىدار قىلىنغان، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلگەن. 

لاندىسلاگ

  • لاندىسلاگ[يەشمىسى:] Londslag نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. مەنىسى «دۆلەت قانۇنى» دېگەنلىك. شۋېتسىيىنىڭ ئەڭ بالدۇرقى ئاساسىي قانۇنى. 1350-يىلى شۋېتسىيە كورۇلى ماگىنۇس Ⅱ مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈزگەن. ئۇنىڭدا كورۇلنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇق دائىرىسى، كورۇلنىڭ سايلام ئارقىلىق بەلگىلىنىدىغانلىقى (لېكىن ئىمكان قەدەر سابىق كورۇلنىڭ شاھزادىلىرى ئارىسىدىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاپ يېڭى كورۇل سايلاش لازىملىقى) بەلگىلەنگەن. «ئېرىك ساياھىتى» يەنىلا ساقلاپ قىلىنغان. 1734-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

لانسىڭ-ئىسى كېلىشىمى

  • لانسىڭ-ئىسى كېلىشىمى[يەشمىسى:] ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى لانسىڭ (Robert Lansing، 1864 — 1928) بىلەن ياپونىيە تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى ئىسى كىكوشىرو ئۆزئارا ئالماشتۇرغان دىپلوماتىك ھۈججەت. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى مەنپەئىتى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. 1917-يىلنىڭ 9-ۋە 10-ئايلىرىدا ئىسى ئامېرىكىغا بېرىپ، لانسىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئىسى لانسىڭدىن ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئارىسىدا بىر خىل «ئالاھىدە مۇناسىۋەت» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ياپونىيىنىڭ جۇڭگودا «ئالاھىدە مەنپەئەت» تىن بەھرىمەن بولۇشى لازىملىقىنى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىچكى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن «ئالاھىدە ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت» لەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلغان، بۇ كېلىشىمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگودا «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» ۋە «پۇرسەت تەڭ-باراۋەر بولۇش» پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشنى قايتا تەكىتلەيدۇ، «جۇڭگو زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈكى» كە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ جۇڭگودا، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ ياپونىيىگە قاراشلىق جايلارغا قوشنا قىسمىدا، ئالاھىدە مەنپەئىتىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت. بۇ، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، جۇڭگونى قۇربان قىلىدىغان بىر كېلىشىم ئىدى. 

لانكاسۇكا

  • لانكاسۇكا[يەشمىسى:] (Lankasuka) خەنزۇچىدە[HT5SS] (狼牙须,朗迦戊,凌牙斯加,棱伽修,龙牙屡角) دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. مالاي يېرىم ئارىلىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ھازىرقى تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى پاتتانى (Pattani) ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ. شۇنداقلا بۇ دۆلەت مالاي يېرىم ئارىلىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، شەرقىي سوڭكالاغىچە، غەربىي جىداغىچە سوزۇلغان، دېگەن قاراشمۇ بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ دۆلەت مىلادى Ⅱ ئەسىردە قۇرۇلغان. بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 515-يىلى (لياڭ سۇلالىسىنىڭ تيەنجيەن 14-يىلى)، ئۇنىڭ پادىشاھى باگادادۇ جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ مۇھىم ئۆتىڭى بولغان. ⅩⅢ — Ⅷ ئەسىرلەردە سىرىۋىجايانىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. ⅩⅣ ئەسىردە مادجاپاخىتقا بويسۇنغان.

لانكاستېر خاندانلىقى

  • لانكاستېر خاندانلىقى[يەشمىسى:]Lancasters) ئەنگلىيىدىكى فېئودال خاندانلىق (1399 — 1461). لانكاستېر گېرتسوگى جون گونت (John of Gant، 1340 — 1399) نىڭ ئوغلى ھېنرىخⅣ قۇرغان. ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە 1415-يىلى يۈز يىللىق ئۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن؛ 1450-يىلى جېك كېدا قوزغىلىڭى پارتلىغان؛ 1453-يىلى يۈز يىللىق ئۇرۇش ئەنگلىيىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلىشىپ، ئەنگلىيە، فرانسىيىدىكى كالې (Calais) پورتىدىن باشقا پۈتكۈل زېمىندىن ئايرىلىپ قالغان. كېيىن ئەتىرگۈل ئۇرۇشى (1455 — 1485) دايۈرك سۇلالىسى ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. لانكاستېر خاندانلىقىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كورۇل ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان يىللىرى تۆۋەندىكىچە: ھېنرىخ Ⅳ(1399 — 1413)، ھېنرىخ Ⅴ(1413 — 1422)، ھېنرىخⅥ(1422 — 1461).

لانگې

  • لانگې[يەشمىسى:]Christian Louis Lange ، 1869 — 1938) نورۋېگىيىلىك تىنچلىقپەرۋەر، تارىخشۇناس. 1893-يىلى كرىستىئانا (ھازىرقى ئوسلو) داشۆسىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. نورۋېگىيە بىلەن شۋېتسىيە ئايرىلغان مۇستەقىللىك ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1890 — 1909-يىللىرى نورۋېگىيىدىكى نوبېل شۆيۈەنىدە تارىخ دەرسى بەرگەن. 1900 — 1909-يىللىرى قوشۇمچە نورۋېگىيە پارلامېنتى نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ كاتىپى بولغان. 1907-يىلى گائاگا خەلقئارا تىنچلىق يىغىنىنىڭ نورۋېگىيە ۋەكىلى بولغان. 1909 — 1933-يىللىرى خەلقئارا پارلامېنت ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى بولغان. 1920 — 1937-يىللىرى نورۋېگىيىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقتا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان. 1921-يىلى شۋېتسىيىدىكى برانتىڭ بىلەن بىرلىكتە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ «ئىنتېرناتسىئونال تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

لانگېدوك

  • لانگېدوك[يەشمىسى:] (Languedoc) فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قەدىمكى جاينىڭ نامى. رونې دەرياسى، گارونىنې دەرياسى بىلەن پىرېننېي تېغى ئارىسىغا، ئوتتۇرا دېڭىز بويىغا جايلاشقان. ئاساسىي شەھىرى تولوسې قاتارلىقلار. مىلادى Ⅴ ئەسىردە كۆپىنچە غەربىي گوتلار ئولتۇراقلاشقان. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا فرانك پادىشاھلىقىغا قوشۇلغان. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ رايوندا تولوسېبو دۆلىتى قۇرۇلغان. Ⅻ — ⅩⅢ ئەسىرلەردە ئالبىچىلار ئۇرۇشى پارتلىغان. 1229-يىلى فرانسىيە كورۇلى لۇئى Ⅸ ئۆزىگە قوشۇۋالغان. خۇگۇئېنو ئۇرۇشى مەزگىلى (1562 — 1594) دە، خۇگۇئېنوچىلارنىڭ بازىسى بولۇپ قالغان. 1791-يىلى بىرنەچچە ئۆلكىگە ئايرىۋېتىلگەن.

لانگېۋىن

  • لانگېۋىن[يەشمىسى:] (Paul Langevin، 1872 — 1946) فرانسىيىلىك فىزىك. ئىشچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1891-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فىزىكا ۋە خىمىيە شۆيۈەنى، پارىژ ئالىي پېداگوگىكا شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. 1902-يىلدىن باشلاپ فرانسىيە شۆيۈەنىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1909-يىلدىن باشلاپ مەزكۇر شۆيۈەننىڭ پروفېسسورى بولغان. 1934-يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىغا ھېسداشلىق قىلىپ، 1919-يىلى «يېڭى رۇسلارنىڭ دوستلۇق كۇرۇژوكى» نى قۇرغان. ئۇ يەنە ئامېستىردام فاشىزمغا قارشى يىغىنىنىڭ تەشكىلاتچىلىرىدىن بىرى، شۇنىڭدەك فرانسىيە خەلق فرونتىنىڭ ئاكتىپ قاتناشچىسى ئىدى. 1939-يىلى «ئىدىيە» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان. 1940-يىلى 3-ئايدا ھەربىي سوتتا كوممۇنىستلارنى ئاقلىغانلىقى ئۈچۈن شۇ يىلى 10-ئايدا قولغان ئېلىنغان. 1944-يىلى 5-ئايدا شۋېتسارىيىگە قېچىپ كەتكەن، فرانسىيە ئازاد بولغاندىن كېيىن ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. شۇ يىلى 9-ئايدا فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن.

لائوسنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى

  • لائوسنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى[يەشمىسى:] لائوس خەلقىنىڭ ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى. 1959-يىلى ئامېرىكا لائوستا ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان، 1964-يىلى يەنە ئامېرىكىپەرەس ئۇنسۇرلارنى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان. لائوس خەلقى قارشىلىق كۆرسىتىش ئۇرۇشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت زېمىنىنىڭ بەشتىن تۆت قىسمىنى ئازاد قىلغان. 1975-يىلى 5-ئايدا، لائوس خەلقى ھاكىمىيەتنى قولغان كەلتۈرۈش كۈرىشىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەت مىقياسىدا خەلق ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىققان. شۇ يىلى 12-ئايدا، لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.

لائوكون ھەيكەللىرى

  • لائوكون ھەيكەللىرى[يەشمىسى:] يەنى «لائوكون ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى». يۇناننىڭ ئالەمشۇمۇل ئويما ئەسىرى. قەدىمكى يۇنان ئەپسانىيلىرىغا ئاساسلانغاندا لائوكون (Laocoon) ترويا شەھىرى (كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىرغىقى) دىكى خۇدا ئاپوللون (ياكى خۇدا پوسېيدون[Посейдон]) نىڭ كاھىنى ئىكەن. «ترويا ئۇرۇشى» ئاياغلىشاي دېگەندە، ئۇ ترويالىقلارنى يۇنانلىقلارنىڭ «ياغاچ ئات ھىيلىسى» دىن پەخەس بولۇشقا ئاگاھلاندۇرۇپتۇ؛ بۇ ئىشتىن تەڭرى غەزەپلىنىپ ئۇنى جازالاپ، ئۇنى ئىككى ئوغلى بىلەن بىللە بوغما يىلانغا چىرمىتىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. قەدىمكى زاماندىكى يازغۇچىلار بۇ ۋەقەنى تېما قىلىپ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رودېس (Rhodes) ئارىلىدىكى ھەيكەلتىراش ئاگېساندېر (Agesander) بىلەن پولىدورۇ (Polydorus)، ئاتىنودورۇ (Athenodorus) بىرلىكتە ياساپ پۈتتۈرگەن «لائوكون ھەيكەللىرى» (مەرمەر تاشتىن ياسالغان ئەسەر) دە لائوكوننىڭ نەزىر-چىراغ سۇپىسىدا ئىككى ئوغلى بىلەن بوغما يىلاننىڭ ئازابلىشىغا ئۇچرىغانلىقى ھەمدە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئەھۋالى چوڭقۇر ئىپادىلەنگەن؛ ئۇ ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى تارىخىدىكى مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 1506-يىلى رىمدىكى ئېسكۇيلىن تۆپىلىكىدىن تېپىلغان (ئوڭ جەينىكىنىڭ ئاستىنقى قىسمىنى كېيىنكىلەر تۈزەشتۈرگەن)، ھازىر ۋاتىكان گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ساقلانماقتا.

لائون كوممۇنىسى

  • لائون كوممۇنىسى[يەشمىسى:] Ⅻئەسىرنىڭ باشلىرىدا فرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى لائون (Laon) شەھىرى ئاھالىسى قۇرغان شەھەر كوممۇنىسى. 1109-يىلى لائون شەھىرى فېئودال خوجىدار گودلىغا پۇل تاپشۇرۇش يولى بىلەن، ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، شەھەر كوممۇنىسى قۇرغان ھەمدە 1111-يىلى فرانسىيە كورۇلى لۇئى Ⅵ نىڭ تەستىقىنى ئالغان. 1112-يىلى گودلى ۋاپاسىزلىق قىلىپ، لائون شەھىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، شەھەر ئاھالىسى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، گودلىنى ۋە ئۇنىڭ يېقىن قول چوماقچىلىرىنى ئۆلتۈرگەن. قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن لائون شەھىرىدە 1128-يىلى يەنە كوممۇنا قۇرۇلغان. 1331-يىلى فرانسىيىدە ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھاكىمىيەت يولغا قويۇلۇش جەريانىدا، فرانسىيە كورۇلى كوممۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

لائۇرىئېر

  • لائۇرىئېر[يەشمىسى:] (Wilfrid Laurier، 1841 — 1919) كانادا زۇڭ-لىسى (1896 — 1911)، لىبېرالىستلار پارتىيىسى رەھبىرى. فرانسۇز ئەۋلادى بولغان كانادالىق. مىگېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئۆگەنگەن. ئادۋوكاتلىق قىلغان. 1874-يىلدىن باشلاپ ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، باج ئىشلىرى مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. زۇڭلى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە ئەسكەر ئەۋەتىپ ئەنگلىيىنىڭ بۇرلار بىلەن بولغان ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن، چوڭ قۇرۇقلۇقنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان ئىككىنچى تۆمۈريولنى ياسىتىپ، غەربىي رايوننى ئاچقان. ئامېرىكا بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ، كانادانىڭ ئەنگلىيىگە نىسبەتەن مۇستەقىللىكىنى كۈچەيتكەن.

لاۋال

  • لاۋال[يەشمىسى:]Pierre Laval،1883 — 1945)، فرانسىيە زۇڭلىسى (1931 — 1932، 1935 — 1936)، مىللىي خائىن. لېئان داشۆسى ۋە پارىژ داشۆسىدە ئوقۇغان، كېيىن ئادۋوكات بولغان. 1903-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1924-يىلى بۇ پارتىيىدىن ئايرىلىپ، سوتسىيال جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە كىرگەن. 1914-يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، 1927-يىلىدىن باشلاپ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش مىنىستىرى، مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى، ئەدلىيە مىنىستىرى، ئەمگەك مىنىستىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە مۇستەملىكىلەر مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. فاشىزمنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا يول قويۇش سىياسىتىنى پائال تۈردە يۈرگۈزۈپ، 1935-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىتالىيىنىڭ باش ۋەزىرى موسسولىن ۋە ئەنگلىيىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ھوئارېلار بىلەن ئېفىئوپىيە خەلقىنىڭ مەنپەئىتىنى ساتىدىغان «لاۋال- موسسولىن كېلىشىمى»، «ھوئارې- لاۋال كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن پېتائىننىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىنى مەخپىي پىلانلىغان ۋە قوللىغان. 1940-يىلى ۋىشى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندا، ئۇنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغان. 1942-يىلى 4-ئايدا زۇڭلى قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار، تاشقى ئىشلار، ئاخبارات مىنىستىرى بولۇپ، گىتلېر گېرمانىيىسىگە يېقىندىن ئەگەشكەن. 1944-يىلى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، كېيىن ئاۋسترىيىدە قولغا ئېلىنغان. 1945-يىلى 10-ئايدا دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

لاۋال-موسسولىن كېلىشىمى

  • لاۋال-موسسولىن كېلىشىمى[يەشمىسى:] يەنى «فرانسىيە-ئىتالىيە رىم كېلىشىمى» دەپمۇ ئاتالغان. فرانسىيە بىلەن ئىتالىيە ئافرىقىدا تەسىر دائىرىسىنى بۆلۈشۈۋېلىش ئۈچۈن ئىمزالىغان شەرتنامە. فرانسىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋال بىلەن ئىتالىيىنىڭ باش ۋەزىرى موسسولىن 1935-يىل 1-ئاينىڭ 7-كۈنى رىمدا ئىمزالىغان. ئاساسىي مەزمۇنى ئىتالىيىگە قاراشلىق لىۋىيە بىلەن فرانسىيىگە قاراشلىق غەربىي ئافرىقا ۋە ئېكۋادور گۋىنېيىسىنىڭ چېگرىسىنى ئۆزگەرتىپ، 114 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كۆلەمدىكى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنى ۋە فرانسىيىگە قاراشلىق سومالى بىلەن ئېرىترېيە چېگرىسىدىكى 800 كۋادرات كىلومېتر (ماندېب بوغۇزىدىكى دۇموۋىئا ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جايىنى ئىتالىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بىللە، فرانسىيە ئىتالىيىنىڭ جىبۇتى — ئەددىس-ئەبېبە تۆمۈريولىنىڭ يىگىرمە پىرسەنت پاي چېكىگە ئىگە بولۇشىغا قوشۇلغان ھەمدە جىبۇتى پورتىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلغان. ئىتالىيە ئىتالىيىلىكلەرنىڭ تۇنىستىكى ئىمتىيازلىق ئورنىنى 30 يىل ئىچىدە تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قوشۇلغان. ئىككى تەرەپ «ئاۋسترىيىنىڭ مۇستەقىللىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى تەھدىتىگە ئۇچرىغان چاغ»دا مەسلىھەتلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ كېلىشىمنى ئىتالىيە 1938 -يىلى 12-ئايدا ئۆز ئالدىغا ئەمەلدىن قالدۇرغان. 

لاۋروۋ

  • لاۋروۋ[يەشمىسى:] (Петр Лаврович Лавров، 1823 — 1900). روسىيىلىك سوتسىئولوگ، نارودنىك مۇتەپەككۇر. پومېشچىك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. پېتېربۇرگ توپچىلار ئىنستىتۇتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى بولغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەر ۋە ئەركىنلىك پارتىيىسى بىلەن خەلق ئىرادىسى پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1870-يىلى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال ۋە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان ھەمدە «ئالغا» ژۇرنىلىنى نەشىر قىلىپ، روسىيىدە ئىنقىلابىي ئىدىيىنى تەشۋىق قىلغان. لېكىن ماركسىزمغا قارشى تۇرۇپ، «سوتسىئولوگىيىدىكى سۇبيېكتىپ ئۇسۇل» نى ھىمايە قىلغان. تارىخ — يەككە-يېگانە تاسادىپىي ۋەق-ەلەرنىڭ يىغى-ندىسى؛ ئىجتىمائىيەتنىڭ ئوبيېكتى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تۈزۈم ھەققىدىكى غايىسى؛ كېسىپ ئېيتقاندا جەمئىيەت تەرەققىياتى «تەنقىدىي تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەر»، يەنى قەھرىمانلار پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارىغان. دېھقانلارنى سوتسىيالىزمنىڭ يېتەكچى كۈچى دەپ قارىغان. ئىنقىلابىي زىيالىيلارنى «خەلق ئارىسىغا بېرىش» قا چاقىرىق قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «تارىخىي خەت-چەكلەر» قاتارلىقلار بار.

لاۋرېنسې

  • لاۋرېنسې[يەشمىسى:] (David Herbert Richards Lawrence، 1885 — 1930) ئەنگلىيىلىك يازغۇچى ۋە شائىر. كۆمۈر كان ئىشچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئوقۇتقۇچى بولغان. ئەدەبىي ئوبزورچىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا باھاسى ئوخشاش ئەمەس. ئادەتتە ⅩⅩ ئەسىردىكى ئەنگلىيە دىكادېنت ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۈمىدسىزلىك تۈسىگە ئىگە بولۇپ، سانائەتلەشتۈرۈش ئىنسانلارنى ئادىمىگەرچىلىكتىن مەھرۇم قىلىدۇ، دەپ قارالغان. يېزىقچىلىق ئۇسۇلى جەھەتتىن فرېئىد نېرۋا تەھلىل قىلىش ئىلمىي تەرەپدارلىرىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئىشىق-مۇھەببەت ۋە غەيرىي روھىي ھالەتنى كۆپرەك تەسۋىرلىگەن، بۇرژۇئازىيىنىڭ چۈشكۈنلەشكەن روھىي ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئوغۇل بىلەن مەشۇقە»، «ھەسەن-ھۈسەن» قاتارلىقلار بار.

لاۋرېنسىنىيە مىللىي ئاساسىي قانۇن تۈزۈش قەھۋەخانىسى

  • لاۋرېنسىنىيە مىللىي ئاساسىي قانۇن تۈزۈش قەھۋەخانىسى[يەشمىسى:] تولۇق ئاتىلىشى ۋەتەنپەرۋەرلەر جەمئىيىتى، لاۋرېنسىنىيە مىللىي ئاساسىي قانۇن تۈزۈش قەھۋەخانىسى. 1820 — 1823-يىللاردىكى ئىسپانىيە ئىنقىلابىدا بارلىققا كەلگەن پايتەخت مەركىزى كۇلۇبى. ئەينى زاماندىكى مەملىكەت بويىچە نۇرغۇنلىغان ئىنقىلابىي كۇلۇبلار ئىچىدە رەھبەرلىك رولىنى ئوينىغان. ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئۆز ئىچىگە سول قانات لىبېراللار بىلەن ئىنقىلابچىلار ۋە ئوڭ قانات سىياسەتۋازلارنى ئالغان. ئۇلار قەرەللىك يىغىن چاقىرىپ، زور سىياسىي مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشقان. ئۇلارنىڭ چىقارغان قارارلىرى ھامان ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىرلەرنى بەلگىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. «ئىسپانىيە تاڭ نۇرى گېزىتى» ناملىق ئورگان گېزىتى چىقارغان.

لاۋو

  • لاۋو[يەشمىسى:] مونلار ھازىرقى تايلاند چېگرىسى ئىچىدىكى مېنام دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى رايونىدا قۇرغان قەدىمكى دۆلەت. لاۋو (Lavo، ھازىرقى لوپبۇرى Lopburi) نى پايتەخت قىلغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كخمېر ئاڭكور سۇلالىسى تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنغان. ⅩⅢ ئەسىردە مۇستەقىل بولغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇتوڭدىكى مونلار پادىشاھى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. لاۋو بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا دوستانە مۇناسىۋەت بولۇپ، ئۆزئارا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ بېرىش-كېلىش قىلغان.

لاۋوسېر

  • لاۋوسېر[يەشمىسى:] (Antoine Laurent Lavoisier، 1743 — 1794) فرانسىيىلىك خىمىك، يېقىنقى زامان خىمىيىسىنىڭ ئاساسچىسى. ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1768-يىلى خانلىق تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە كىرگەن. باجنى كۆتۈرە ئالغۇچى، مىلتىق دورىسى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، يېزا ئىگىلىك كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى، تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇدىرى، ئۆلچەم كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى، مالىيە ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرىسى دەۋرىدە مارات قاتارلىقلارنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرىغان. 1793-يىلى 12-ئايدا تۈرمىگە سولىنىپ، 1794-يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. ئۇنىڭ تەلىماتى يانغۇچى ماددا توغرىسىدىكى تەلىماتىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى ۋە يېقىنقى زامان خىمىيىسىنىڭ بەرپا قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «خىمىيە ئاساسلىرى» ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.

لاۋىس

  • لاۋىس[يەشمىسى:] (Ernest Lavisse، 1842 — 1922) فرانسىيىلىك تارىخشۇناس. 1865-يىلى پارىژ ئالىي دارىلفونۇنىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1880-يىلدىن باشلاپ پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان، 1888-يىلدىن باشلاپ پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىي لېكسىيىسىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. 1892-يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. 1894 -يىلىدىن باشلاپ «پارىژ ژۇرنىلى» باش مۇھەررىرى بولغان. 1904 — 1912-يىللىرى پارىژ ئالىي دارىلفونۇنىنىڭ مۇدىرى بولغان، 1919-يىلدىن كېيىن بۇ مەكتەپنىڭ پەخرىي مۇدىرى بولغان. پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، گېرمانىيە تارىخى، بولۇپمۇ پرۇسسىيە تارىخىنى تەتقىق قىلغان. ئالىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتى — پرۇسسىيىنىڭ تېز باش كۆتۈرۈشى ۋە گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دەپ قاراپ، فرانسىيە ئالىي مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىشنى كۈچىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلغان. كۆپ توملۇق فرانسىيە ئومۇمىي تارىخى ۋە دۇنيا ئومۇمىي تارىخىنى يېزىپ چىقىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «پرۇسسىيە تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات»، «مىللىي مائارىپ مەسىلىسى»، «يىراق قەدىمكى زاماندىن زور ئىنقىلاب دەۋرىگىچە بولغان فرانسىيە تارىخى»، «زور ئىنقىلابتىن 1919-يىلدىكى سۈلھ شەرتنامىسىگىچە بولغان فرانسىيە ھازىرقى زامان تارىخى»، «دۇنيا ئومۇمىي تارىخى» قاتارلىقلار بار.

لائېرمانىس

  • لائېرمانىس[يەشمىسى:] (Eugene Laermans، 1864 — 1940) بېلگىيىلىك رەسسام ۋە نەققاش. بريۇسسېلدا تۇغۇلغان. بريۇسسېل سەنئەت ئىنستىتۇتىدا رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. ئۇ ئىپادىلەشتىكى مۇبالىغىلەشتۈرۈش ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، قېنىق رەڭلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق نامرات خەلقلەر، بولۇپمۇ دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى، خىزمىتى، ھېسسىياتى ۋە يېزا مەنزىرىلىرىنى تەسۋىرلىگەن. ئەسەرلىرىدىن «ئۆلۈك ئادەم»، «گەرەتكە ئوينىغۇچى ئادەم» قاتارلىقلار بار.

لايباخ يىغىنى

  • لايباخ يىغىنى[يەشمىسى:] مۇقەددەس ئىتتىپاق قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنى. 1821-يىلى 1-ئاينىڭ باشلىرى لايباخ (Laibach، ھازىرقى يۇگوسلاۋىيىدىكى ليۇبىليانا) دا ئېچىلغان. روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان. يىغىن ئاۋسترىيىنىڭ ئەسكەر چىقىرىپ نېئاپول بىلەن ساردىنىيە پادىشاھلىقىدىكى ئىنقىلابنى باستۇرۇشنى قوللىغان ۋە گرېتسىيە خەلقىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭىغا ياردەم بېرىشنى رەت قىلغان. 

لەن شاڭ

  • لەن شاڭ[يەشمىسى:] (Lan Chang ياكى Lan Xang) لائوستىكى قەدىمكى دۆلەت. 1353-يىلى تەيزۇ مىللىتىنىڭ باشلىقى فالوڭ تەرىپىدىن قۇرۇلغان. پايتەختى موڭسىۋا (Muong Swa) شەھىرى. تېررىتورىيىسى ھازىرقى لائوس ۋە تايلاندنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ھېنايانا بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 1478-يىلى ۋيېنتىيانلىقلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دۆلەت مۇقىملىشىپ، ئىقتىسادىي-مەدەنىيىتى تەرەققىي تاپقان. 1545-يىلى چىڭمەينى كونترول قىلغان. 1563-يىلى پايتەختنى ۋيېنتىيانغا كۆچۈرگەن. بىرما توڭۇ سۇلالىسىنىڭ تاجاۋۇزىغا زەربە بەرگەن. 1575-يىلى ۋيېتنام بىرما ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ بىرمىغا قارام بولۇپ قالغان. 1593-يىلى قايتىدىن مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن.ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. سۇلىگنا ۋوڭسا (Souligna Vongsa) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى (1637 — 1694) تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيىتى تەرەققىي تاپقان؛ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن دوستانە بېرىش-كېلىش قىلغان، دۆلەت ئەھۋالى ياخشىلانغان. 1707-يىلى ئىچكى ئۇرۇش بولغانلىقتىن لۇئاڭ پراباڭ ۋە ۋيېنتىياندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە پارچىلىنىپ كەتكەن. 1713-يىلى چامپاسساك دۆلىتى مۇستەقىل بولغان، شۇنداق قىلىپ ئۈچ دۆلەتنىڭ تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.

لەنشەن قوزغىلىڭى

  • لەنشەن قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ۋيېتنامدا جۇڭگو مىڭ سۇلالىسىنىڭ فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقلىقىغا قارشى پارتلىغان قوزغىلاڭ. 1418-يىلى لى لىنىڭ رەھبەرلىكىدە لەنشەن يېزىسى (ھازىرقى چىڭخۇا ئۆلكىسىنىڭ شۇ چۇنشيەن ناھىيىسىدە) دىن باشلانغان. لى لى ئۆزىنى تىنچىتقۇچى پادىشاھ دەپ ئاتاپ، جايلارغا يارلىق چىقىرىپ، مىڭ سۇلالىسىگە قارشى تۇرۇپ مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرغان. ھەرقايسى قاتلام، ھەر مىللەت خەلقى قوزغىلاڭغا ئارقا-ئارقىدىن قاتنىشىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى تېز كۆپىيىپ نەچچە يۈز مىڭغا يەتكەن. ئون يىل ئۇرۇشۇپ، 1427-يىلى مىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنىنى يېڭىپ، ۋيېتنامدىن چېكىنىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان. 1428-يىلى لى لى كېيىنكى لى سۇلالىسىنى قۇرغان.

لوباچېۋىسكىي

  • لوباچېۋىسكىي[يەشمىسى:]Николай Иванович Лобачев ьский، 1792 — 1856) روسىيىلىك ماتېماتىك. كىچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇزاق ۋاقىت قازان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋە مۇدىرى (1827 — 1846) بولغان. غەيرىي ئېۋكلىد گېئومېترىيىسىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى. ئۇ ئېۋكلىد گېئومېترىيىسىنىڭ پاراللېللىق ئاكسىئومىسىنى ئۆزگەرتىپ، «ھىپېربولالىق گېئومېترىيە» ياكى «لوباچېۋىسكىي گېئومېترىيىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل يېڭى گېئومېترىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئەنگلىيىنىڭ مەشھۇر ماتېماتىكى سىلۋېستېر تەرىپىدىن «گېئومېترىيىدىكى كوپېرنىك» دەپ ئاتالغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئىككى كۆزى تۇتۇلۇپ قالغاچقا، ئېغىزچە «ئومۇمىي گېئومېترىيە» نى بايان قىلغان.

لوبانوۋ-روستوۋىسكىي

  • لوبانوۋ-روستوۋىسكىي[يەشمىسى:]Алексей Борисович Лабанов Ростовский، 1824 — 1896) روسىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1895—1896)، گېرتسوگ. 1844-يىلدىن باشلاپ دىپلوماتىيە ساھەسىگە كىرىپ، ئىلگىرى-كېيىن تۈركىيە، ئەنگلىيە، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ۋە گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. ۋەزىر بولغان مەزگىلىدە، يىراق شەرققە كېڭىيىشنى كۈچىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلىپ، ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى ۋە چاۋشيەننى پائال تالاشقان. 1895-يىلى 4 — 5-ئايلاردا فرانسىيە ۋە گېرمانىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ياپونىيىنى «سىمونوسېكى شەرتنامىسى» دا قولغا كەلتۈرگەن لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىنى ئىگىلىۋېلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغان. ئىككىنچى يىلى 6-ئايدا ياپونىيە بىلەن چاۋشيەنگە ئورتاق ھامىيلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان؛ شۇ ئايدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە تەھدىت سېلىپ موسكۋادا «جۇڭگو-روسىيە مۇداپىئە ئىتتىپاقى شەرتنامىسى» يەنى «جۇڭگو-روسىيە مەخپىي شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، جۇڭگو شەرق تۆمۈر يولىنى ياساش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان.

لوبېنگۇلا

  • لوبېنگۇلا[يەشمىسى:] (Lobengula تەخمىنەن 1836 — 1894) ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى ماتا بىلىي خانلىقىنىڭ پادىشاھى (1820 — 1894)، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلى-رىگە قارشى كۈرەشنىڭ داھىيسى. 1870-يىلى ئاتىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ پادىشاھ بولغان. گۇبۇلاۋايو (Goubulawayo) نى پايتەخت قىلغان. ياۋروپا سودىگەرلىرى، مىسسئۇنېرلىرى ۋە ئېكسپېدىتسىيىچىلىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان. 1888-يىلى ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا شىركىتى بىلەن كان ئېچىش ھوقۇقى قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىجارىگە بېرىش شەرتنامىسىنى تۈزگەن. 1893-يىلى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، جەنۇبىي ئافرىقا شىركىتىنىڭ قوراللىق تاجاۋۇزىغا قارشى كۈرەش قىلغان، كېيىنكى يىلى كېسەل بولۇپ ئۆلگەن.

لوتارⅠ

  • لوتارⅠ[يەشمىسى:] (Lothaire I، تەخمىنەن 795 — 855) بۈيۈك كارلوس ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى(840 — 855). مىلادى 840-يىلى ئاتىسى، كورۇل لۇئى (تەقۋادار) ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن تەختكە چىققان. ئۇنىڭ ئىنىسى لۇئى (گېرمان) بىلەن چارلېس (تاقىرباش) نارازى بولۇپ ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان ھەمدە 841-يىلى فونتىنو (Fontenoy، ھازىرقى فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى رونا ئۆلكىسىگە جايلاشقان) جېڭىدە بىرلىشىپ لوتارنى مەغلۇپ قىلغان. مىلادى 843-يىلى، ئاكا-ئۇكا ئۈچەيلەن «ۋېردېن شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، كارلوس ئىمپېرىيىسىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلگەن، لوتار رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىن جەنۇبتا ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغىچە بولغان جايغا ئىگە بولۇپ، ئۇنى ئوتتۇرا پادىشاھلىق دەپ ئاتىغان ھەمدە كورۇللىق نامغا ۋارىسلىق قىلغان. لېكىن ئۇ ئىككى ئىنىسىنى كونترول قىلالمىغان. لوتار ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ئوتتۇرا پادىشاھلىقنى بۆلۈشۈۋالغان، لۇئى Ⅱ ئىتالىيىگە ئىگە بولۇپ، كورۇللىق نامغا ۋارىسلىق قىلغان؛ چارلېس پروۋانىسقا ئىگە بولغان، لوتارⅡ لوتارىنگىيىگە ئىگە بولغان.

لوتارⅡ

  • لوتارⅡ[يەشمىسى:] (LotharⅡ، تەخمىنەن 1075 — 1137) لوتارⅢ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيە كورۇلى، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى(1125—1137؛ 1133-يىلى تاج كىيگەن). ئەسلى ساكسونىيە گېرتسوگى (1106-يىلدىن باشلاپ ) ئىدى. كورۇل ھېنرىخ Ⅴ كە قارشى توپىلاڭ كۆتۈرگەن. ھېنرىخ ئۆلگەندىن كېيىن چېركاۋ فېئوداللىرىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. 1132 — 1133-يىللىرى ۋە 1136 — 1137-يىللىرى ئىتالىيىگە ئىككى قېتىم بېسىپ كىرىپ، رىم پاپاسى ئىننوكېنىتىي Ⅱ نى قوللاپ، سىتسىلىيىنى ئىگىلەپ تۇرغان نورمانلارغا قارشى تۇرغان. 1134-يىلى شىمالىي ماركنى سۇيۇرغال سۈپىتىدە چوڭ فېئودال ئالبرېختقا ھەدىيە قىلىپ بەرگەن.

لودگې

  • لودگې[يەشمىسى:] (Henry Cabot Lodge، 1850 — 1924) ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى. 1871-ۋە 1874-يىللىرى ئىككى قېتىم خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. ئادۋوكات بولغان. 1873 — 1876-يىللىرى «شىمالىي ئامېرىكا ئوبزورى» نىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن، كېيىن، خارۋارد داشۆسىنىڭ ئامېرىكا تارىخى لېكتورى ۋە «خەلقئارا ئوبزور» نىڭ مۇھەررىرى بولغان. 1887 — 1898-يىللىرى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1893 — 1924-يىللىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. مەملىكەت ئىچىدە «شېلماننىڭ تىرېستقا قارشى قانۇنى» نى تۈزۈشكە ياردەملىشىپ، سودا سىياسىتىنى ھىمايە قىلىشقا كۈچەپ، ھەر كىم خالىغانچە كۈمۈش پۇل ياساشقا قارشى تۇرغان. مەملىكەت سىرتىدا، كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى تەرغىپ قىلىپ، دېڭىز ئارمىيىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشنى قوللاپ، ئىككى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان قانال ياساشنى ھەمدە فىلىپپىن بىلەن كۇبانى بېسىۋېلىشنى قۇۋۋەتلىگەن. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ بېشىدا، كېڭەش پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىقلارنىڭ داھىيسى ۋە دىپلوماتىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان، يېتىمچىلەر ۋەكىللىرىدىن بىرى. «ۋېرسال ئەھدىنامىسى» نى تەستىقلاشقا ۋە خەلقئارا ئىتتىپاققا قاتنىشىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. «ھامىلتون»، «ۋېبوست»، «ۋاشىنگتون» قاتارلىق بىئوگرافىيە ئەسەرلىرى بار.

لوررىن

  • لوررىن[يەشمىسى:]Lorrine) فرانسىيىدىكى ۋىلايەت ۋە قەدىمقى ئۆلكىنىڭ نامى. فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىتتىپاق گېرمانىيىسىگە تۇتىشىدۇ. مىلادى Ⅹ ئەسىردىكى يۇقىرى لوررىن كىنەزلىكىنىڭ زېمىنىغا تەڭ كېلىدۇ. يۇقىرى لوررىن Ⅻ ئەسىردىن تارتىپ «لۇررىن» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. 1552-يىلى فرانسىيە كورۇلى ھېنرىⅡ لوررىن چېگرىسى ئىچىدىكى مېتىز (Metz)، تۇئى-ل (Toil)، ۋېردۇن (Verdun) قاتارلىق ئۈچ ئېپىسكوپ رايونىنى تارتىۋالغان. 30 يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا فرانسىيە 1633-يىلى پۈتكۈل لوررىن زېمىنىنى بېسىۋالغان. 1697-يىلى لوررىد مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. 1737- يىلى فرانسىيىنىڭ قورچاق بېقىندى رايونىغا ئايلىنىپ، ئەسلىدىكى پولشا كورۇلى سىتانسىلاۋⅠ لېنشىنىسكىي (Stanistaw I Leszczynski، 1677 — 1766) نىڭ ئۆمۈرلۈك زېمىنى بولۇپ قالغان. 1766-يىلى فرانسىيىگە قوشۇۋېتىلگەن. 1871-يىلى پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، لوررىننىڭ شەرقىي قىسمى ۋە ئېلزاس قاتارلىق جايلار فرانسىيىدىن گېرمانىيىگە كېسىپ بېرىلگەن. 1919-يىلى «ۋېرسال ئەھدىنامىسى» غا ئاساسەن فرانسىيىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن. 1940-يىلى يەنە گىتلېر تەرىپىدىن گېرمانىيىگە قوشۇۋېتىلگەن. 1945-يىلى فرانسىيە يەنە بىر قېتىم لوررىنغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. لوررىن ھازىر ميۇس (Meuse، مۇس دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، موزېل (Moselle)، موزېل-مىيۇرت (Meurthe Moselle) ۋە ۋوسگېس (Vosges) قاتارلىق تۆت ئۆلكىگە بۆلۈنگەن.

لوررىن خانلىقى

  • لوررىن خانلىقى[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادا ئۆتكەن خانلىق. ئۇنىڭ زېمىنى فرانكلار خانلىقى بىلەن چارلېس ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. مىلادى 843-يىلى ئىمزالانغان «ۋېردۇن شەرتنامىسى» غا ئاساسەن، لوتايرېⅠ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئوتتۇرا خانلىققا ئايرىپ بېرىلگەن. 855-يىلى لوتايرې Ⅰ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ئوتتۇرا خانلىقنى ئۈچ بۆلۈككە بۆلۈۋەتكەن. ئىككىنچى ئوغلى لوتايرې Ⅱ(LothairⅡ، 825 — 869) مائاس دەرياسى (Maas مىيۇس، Meuse ، دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن موسېل (Moselle)دەرياسى ۋادىسىدىكى يەرلەرگە ئىگە بولۇپ، لوررىن خانلىقىنى قۇرغان (Lorraine دېگەن سۆز «Lotharingia» دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولۇپ، لوتارىننىڭ زېمىنى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ). 870-يىلى غەربىي فرانكلار كورۇلى چارلېس (تاز) بىلەن شەرقىي فرانكلار كورۇلى ليودۋىگ (گېرمان) «مېرسېن شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، لوررىننى بۆلۈشۈۋالغان. لوررىن خانلىقى 895 — 900-يىللىرى بىر مەزگىل ئەسلىگە كەلگەن. 911-يىلى غەربىي فرانك خانلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. 925-يىلى گېرمانىيە خانلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 959-يىلى يۇقىرى لوررىن كىنەزلىكى ۋە تۆۋەنكى لوررىن كىنەزلىكىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.

لورېنسومېدىچى

  • لورېنسومېدىچى[يەشمىسى:] (Lorenzo de Medici، تەخمىنەن 1449 — 1492) فلورېنسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىرانى (1469 — 1492) مېدىچى جەمەتىنىڭ ۋەكىلى. لەقىمى «سۆلەتۋاز». 1469-يىلى ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنى ئىدارە قىلغان. 1478-يىلى ئىنىسى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، فلورېنسىيىنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانى بولۇپ قالغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلىدە، فلورېنسىيىنىڭ سودا-سانائىتى تەرەققىي قىلىپ، مېدىچى جەمەتىنىڭ بانكا مۇئەسسەسەلىرى ئىتالىيە ۋە ياۋروپادىكى ئاساسلىق شەھەرلەرگە ئومۇميۈزلۈك تارقالغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تېررورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن خەلقنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرغان. ئەدەبىيات-سەنئەتنى رىغبەتلەندۈرۈپ، مىكېلئانجىلو قاتارلىق مەشھۇر سەنئەتچىلەرنى يىغقان، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ شېئىر يېزىشقا ئۇستا بولۇپ، بىرقانچە شېئىرلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن. فلورېنسىيە ئىتالىيىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى داڭلىق شەھىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ ئوغلى گىئوۋاننى مېدىچى(Giovanni de Medici، 1475 — 1521) پاپالىققا سايلىنىپ، لېيۋ Ⅹ دەپ ئاتالغان. 

لوك

  • لوك[يەشمىسى:] (John Locke، 1632 — 1704)ئەنگلىيىلىك پەيلاسوپ. دەسلەپكى يىللىرى ئوكسفورد داشۆسىدە پەلسەپە ۋە تىبابەت ئۆگەنگەن. 1660-يىلىدىن تارتىپ، ئوكسفوردتا گرېك تىلى، ستىلىستىكا ۋە پەلسەپىدىن دەرس ئۆتكەن. 1667-يىلىدىن كېيىن، بىر مەھەل سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ھەمدە چەت ئەلدە سەرسان بولۇپ تۇرغان. شەرەپلىك ئىنقىلابتىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. 1691-يىلى سىياسىي ساھەدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ، تەتقىقات ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. پەلسەپىدە، باكون ۋە ھوببېسنىڭ تەلىماتىغا ۋارىسلىق قىلىپ، بىلىمنىڭ مەنبەسى تۇيغۇ دېگەن نۇقتىئىنەزەرنى ئىسپاتلاپ، ئەنگلىيە ماتېرىيالىستىك تەجرىبىچىلىك نەزەرىيىسىگە ئاساس سالغۇچى بولۇپ قالغان. تۇغما تالانت نۇقتىئىنەزەرىگە قارشى چىقىپ، ئادەمنىڭ كۆڭلى بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ، ئادەم دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن ئىگە بولغان تەجرىبىسى بىلىشنىڭ مەنبەسى بولىدۇ دەپ ھېسابلىغان. سىياسىي جەھەتتە، پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى ئىلاھ ئاتا قىلغان دېگەن تەلىماتقا قارشى تۇرۇپ، ھوقۇقنى ئايرىش نۇقتىئىنەزەرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. قانۇن تۈزۈش، مەمۇرىي ھاكىمىيەت ۋە ئىتتىپاقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ھوقۇقنى ئايرىشنى تەشەببۇس قىلغان. پارلامېنتلىق تۈزۈمنى ھىمايە قىلىپ، ھۈرلۈك ۋە كەڭچىلىكنى تەشەببۇس قىلغان، ئەمما دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسى خۇسۇسىي مۈلۈكنى قوغداش دەپ تەكىتلىگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ھاكىمىيەت توغرىسىدا»، «مائارىپ ھەققىدە»، «ئىنسانلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى توغرىسىدا» قاتارلىقلار بار.

لوڭفېللوۋ

  • لوڭفېللوۋ[يەشمىسى:] (Henry Wadsworth Longfellow، 1807 — 1882) ئامېرىكىلىق شائىر. مېيىن شتاتىدا تۇغۇلغان. 13 يېشىدىلا شېئىرىنى ئېلان قىلغان. 1825-يىلى پورتويېن شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. ياۋروپانى ساياھەت قىلىپ كەلگەن. 1829 — 1835-يىللىرى ئانا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان، 1836 — 1854-يىللىرى خارۋارد داشۆسىدە ھازىرقى زامان تىلشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. كېيىن شېئىر يېزىش ۋە تەرجىمە ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان. ئىندىئانلار ۋە نىگېرلارنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتلىرىگە ھېسداشلىق قىلغان، ئىرقىي زۇلۇمغا قارشى تۇرغان. لېكىن دائىم ئامېرىكا جەمئىيىتىنى پەردازلىغان. قەيسەر، تۈز پۇرىتان روھىنى تەرغىپ قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى شېئىرلار توپلىمىدىن «كېچىلىك ناخشا»، «قۇللار ناخشىسى»، «پەسىل قۇشلىرى»، «ئېۋانگېلىنې»، «مىلېس سىتانچوسىنىڭ توي تەلىپى» قاتارلىقلار. ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغان «دېڭىز ناخشىسى» دېگەن ئىپىك داستانى ئامېرىكا بويىچە ئىندىئان مىللىتى توغرىسىدىكى تۇنجى تارىخىي داستان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە دانتېنىڭ «ئىلاھ كومېدىيىسى» دېگەنگە ئوخشاش ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان.

لوللاردچىلار

  • لوللاردچىلار[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئەسىردە ئەنگلىيە قاتارلىق غەربىي ياۋروپا ئەللىرىدىكى دېھقانلار ۋە شەھەر خەلقلىرىنىڭ كاتولىك چېركاۋىغا قارشى «بىدئەت» مەزھىپى. «لوللارد» (Lollard) دېگەن سۆز ئوتتۇرا ئەسىردىكى گوللان يېزىقى Lollaert دىن كېلىپ چىققان («پىچىرلاپ ئىبادەت قىلغۇچى» دېگەن مەنىدە). تەخمىنەن 1300-يىلى خەير-ئېھسان تەشكىلاتى نامى بىلەن نىدېرلاندىيىدىكى ئانتۋېرپېن (ھازىر بېلگىيىگە قاراشلىق) دا مەيدانغا كەلگەن. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگلىيىدىكى لوللاردچىلارنىڭ كۆپى ۋىكلىفنىڭ مۇرىتلىرى ئىدى، ئۇلار بىرقەدەر رادىكال بولۇپ، ئاساسلىق ۋەكىلى بال ئىدى. ئۇلار ھاشارنى بىكار قىلىشنى، ئۆشرە ۋە باشقا باج-سېلىقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، چېركاۋنى مال-مۈلۈكتىن مەھرۇم قىلىشنى، ئىجتىمائىي باراۋەرلىك ۋە مال-مۈلۈك باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى. بۇ مەزھەپتىكى دىن تارقاتقۇچىلار قوپال تىكىلگەن كاسايالارنى كىيىشىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن قاتلام خەلقلەر ئارىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ئۇلار 1881-يىلدىكى ۋات تەيلېر قوزغىلىڭى ئۈچۈن جامائەت پىكرى تەييارلىغان، بال قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ سايلانغان. 1414-يىلى ئەنگلىيىدىكى لوللاردچىلار يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئاز بولمىغان مۇرىتلىرى ياۋروپا قۇرۇقلۇقى ۋە شوتلاندىيىگە كۆچۈپ كەتكەن. لوللاردچىلارنىڭ پائالىيىتىⅩⅥ ئەسىردە ئەنگلىيىدە ئېلىپ بېرىلغان دىن ئىسلاھاتىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن.

لومباردىيە پادىشاھلىقى

  • لومباردىيە پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] لومباردلار ئىتالىيىنىڭ شىمالى ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدا قۇرغان فېئودال پادىشاھلىق. لومباردلار گېرمانلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، مىلادى Ⅰ ئەسىردە ئېلبا دەرياسى تۆۋەن ئېقىمىنىڭ سول قىرغىقىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دوناي دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىمى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەن. كېيىن ئاۋارلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن لومباردىيە كورۇلى ئالبوئېن ئۆز قوۋمىنى ۋە باشقا بەزى گېرمان قەبىلىلىرىنى باشلاپ، 568-يىلى ۋېزانتىيە ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئىتالىيىگە كىرىپ، لومباردىيە ۋە توسكانا رايونلىرىنى ئىگىلەپ، لومباردىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان، كېيىن يەنە پاۋىيە (Pavia، لومباردىيىدە) نى ئىگىلەپ پايتەخت قىلغان. لومباردلار ئىتالىيىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۇرۇقداشلىق قەبىلە تەشكىلاتلىرى تېزلىك بىلەن يىمىرىلىپ، كورۇل بىلەن ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر چوڭ يەر ئىگىلىرىگە ئايلانغان، ئادەتتىكى ئۇرۇق ئەزالىرى مارك جامائەلىرىنى تەشكىللىگەن. ھەربىر ئائىلە بىر پارچىدىن يەرگە ئىگە بولغان، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي قەرز قاتارلىق سەۋەبلەر ئارقىسىدا، ئارقا-ئارقىدىن يەرلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ، بېقىندى دېھقانلارغا ئايلىنىپ قالغان. فېئوداللىشىشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يەرلىك چوڭ فېئوداللار جايلارنى بۆلۈشۈۋېلىپ، مۇنارخىيىلىك ھوقۇقىنى ئاجىزلىتىۋەتكەن. 751-يىلى،كورۇل ئېستولف (756— 749-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان). راۋېننانى ئىشغال قىلغان ھەمدە پاپا تۇرۇشلۇق جاي — رىم شەھىرىنى تارتىۋالماقچى بولغان. 754-ۋە 756-يىللىرى فرانك كورۇلى پېپىن (پەتەك) پاپاغا ئىككى قېتىم ئەسكەر چىقىرىپ ياردەم بېرىپ، لومباردلارنى مەغلۇپ قىلغان. 774-يىلى چارلېس (كېيىنكى ئىمپېراتور چارلېس) لومباردىيىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى دېسىدېرنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ زېمىنىنى فرانك پادىشاھلىقىغا قوشۇۋالغان.

لومباردىيە قانۇنى

  • لومباردىيە قانۇنى[يەشمىسى:] لومباردلارنىڭ ئادەت قانۇنى توپلىمى. دەسلىپىدە مىلادى 613-يىلى تۈزۈلگەن. كېيىن ھەرقايسى دەۋرلەردىكى كورۇللار ئېلان قىلغان ئەمر-پەرمانلار بىلەن تولۇقلانغان. Ⅵ ئەسىردىن Ⅷ ئەسىرگىچە بولغان لومباردلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، ئەدلىيە تۈزۈمى، دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ۋە سىنىپىي ئەھۋالى قاتارلىقلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ مەزگىلدە لومباردىلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق قەبىلە تەشكىلاتلىرى كۈندىن-كۈنگە پارچىلىنىپ، يەرلەرنى ئېلىپ-سېتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە گۆرۈگە قويۇشقا مۇمكىن بولغاچقا، كۆپلىگەن ئۇرۇق ئەزالىرى بېقىندى دېھقانلارغا ئايلىنىپ قالغان. ئاز ساندىكى ھوقۇقدار ئاقسۆڭەكلەر كۆپلىگەن يەرلەرنى ئىگىلىۋالغان؛ قانۇن لومباردلارنىڭ فېئوداللىق مۇناسىۋىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لومباردىيە ئىتتىپاقى

  • لومباردىيە ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] Ⅻ ئەسىردىن ⅩⅢ ئەسىرگىچە، ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى لومباردىيە (Lombardia) رايونىدىكى شەھەرلەرنىڭ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تۈزگەن ئىتتىپاقى. 1167-يىلى شەكىللەنگەن بولۇپ، 16 شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.ئاساسلىقلىرى؛ مىلان، ۋېنېتسىيە، مانتۇيا (Mantua)، ۋېرونا (Verona)، كرېمونا (Cremona)، ترېۋىزو (Treviso)، فېررارا (Ferrara)، برېسىيە (Brescia)، بولگنا (Bologna) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئىتتىپاق رىم پاپاسى ۋە سىتسىلىيە كورۇلىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولغان. 1176-يىلى 5-ئايدا لېنانو ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى پادىشاھى فرېدرىخ Ⅰ (قىزىل ساقال) نى مەغلۇپ قىلغان. 1183-يىلى ئىككى تەرەپ «كۆزېتسىكى سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، فرېدرىخⅠ ئىتتىپاقتىكى شەھەرلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئېتىراپ قىلغان. ئىتتىپاق Ⅻ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تارقىتىۋېتىلگەن. 1226-يىلى، مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى فرېدرىخⅡ نىڭ شىمالىي ئىتالىيىگە قىلغان تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مىلان باشچىلىقىدىكى بەزى شەھەرلەر قايتىدىن ئىتتىپاق تۈزگەن. 1237-يىلى 11-ئايدا ئىتتىپاق ئارمىيىسى مەغلۇپ قىلىنىپ، ئىتتىپاق ئاخىر پارچىلىنىپ كەتكەن.

لومونوسوۋ

  • لومونوسوۋ[يەشمىسى:] (Михаил Васильевич Ломоносов، 1711 — 1765) روسىيىلىك ئالىم، پەيلاسوپ، تەبىئىي پەن ئالىمى ۋە شائىر. ئارخانگېلىسك (Архангельск) ئوبلاستىدىكى بېلىقچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 10 يېشىدا ئاتىسى بىلەن بىللە دېڭىزغا چىقىپ بېلىق تۇتۇپ، تەبىئەتكە ئىنتىلىش كۈچلۈك ئارزۇسى قوزغالغان. 1730- يىلى موسكۋادىكى سلاۋيان -گرېك-لاتىن تىللىرى ئىنستىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇغان، نەتىجىسى ئەلا بولغاچقا پېتېربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئەۋەتىلگەن، كېيىن گېرمانىيىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، كانچىلىق ۋە مېتاللۇرگىيە ئۆگەنگەن. 1741-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە خىزمەت قىلغان. 1745-يىلى خىمىيە پروفېسسورى بولغان. كۆپ جەھەتتىن ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ماددا ۋە ھەرىكەتنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنى كەشپ قىلغان ھەمدە نەزەرىيە ۋە تەجرىبە بىلەن دەلىللەپ بەرگەن. ئاتوم ۋە مولېكۇلا نەزەرىيىسىنى يارىتىپ، ماددىنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئېچىپ بەرگەن. پەلسەپىدىكى تۈپ مەسىلىنى ماتېرىيالىستىك ئۇسۇلدا ھەل قىلغان. سوزۇلۇشچانلىق، ئىنېرتسىيىلىك كۈچ، ئۆتكۈزمەسلىك ۋە مېخانىك ھەرىكەتنى ماددىنىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتى دەپ ھېسابلىغان. تاشقى دۇنيا بىلىشنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. پەن بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرغان. روسىيىنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتلەردە ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان. 1755-يىلى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنى بەرپا قىلغان. رۇس ئەدەبىي تىلىنى ئىسلاھ قىلىپ، گرامماتىكا تۈزۈپ چىققان. ئاسترونومىيە، ھاۋا رايى، تارىخ ۋە جۇغراپىيىنىمۇ تەتقىق قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ھاۋانىڭ ئېلاستىكلىق كۈچى ئۈستىدە ئىزدىنىش»، «خىمىيىنىڭ رولى توغرىسىدا»، «ھەقىقىي فىزىكا، خىمىيە ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە»، «يەر قاتلاملىرى توغرىسىدا»، «رۇس تىلى گرامماتىكىسى»، «قەدىمكى زامان روسىيە تارىخى» ۋە مەدھىيە شېئىرى «خوتىننىڭ ئېلىنىشى» قاتارلىقلار بار.

لومې كېلىشىمى

  • لومې كېلىشىمى[يەشمىسى:] تولۇق ئاتىلىشى — «ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ئافرىقا، كارىب ۋە تىنچ ئوكيان (دۆلەتلىرى) لومې كېلىشىمى». ئافرىقا، كارىب ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئىقتىسادىي ۋە سودا كېلىشىمى. بىرىنچى قېتىملىق «لومې كېلىشىمى» 1975-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى توگونىڭ پايتەختى لومېدا (Lome) ئىمزالانغان بولۇپ، مۇددىتى بەش يىل بولغان، ئۇنىڭغا 46 تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت قاتناشقان. ئاساسىي مەزمۇنى: ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ئۆزئارا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشنى تەلەپ قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا، 46 دۆلەتنىڭ بارلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە %96 يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ (باج كەچۈرۈم قىلىنغان، مىقدارى چەكلەنمەيدىغان ئاساستا) غەربىي ياۋروپا ئورتاق بازىرىغا ئىختىيارىي كىرگۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىشقا قوشۇلىدۇ؛ بازارغا كىرگۈزۈلگەن 46 دۆلەتنىڭ 12 خىل ئاساسلىق مەھسۇلاتىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتكەن تەقدىردە، ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ئېكسپورت قىلغان دۆلەتنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىدۇ؛ مالىيە تېخنىكىسى ۋە سانائەتتىكى ھەمكارلىق جەھەتتە، ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى بۇ دۆلەتلەرنى ياردەم بىلەن تەمىن ئېتىدۇ دېگەنلەردىن ئىبارەت. ئىككىنچى قېتىملىق «لومې كېلىشىمى» 1979-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىمزالانغان، ئۇنىڭغا تەرەققىي قىلىۋاتقان 57 دۆلەت قاتناشقان. مۇددىتى بەش يىل بولۇپ، 1985-يىلى 4 -ئايدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان. ئۇنىڭدا بىرىنچى قېتىملىق لومې كېلىشىمىدىكى مەزمۇنلارغا بەزى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تەھلىكىسىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ تەرەققىي تېپىشى تۈپەيلىدىن بۇ كېلىشىم جانىجان پايدا-زىيان مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كېڭەيمىچىلىكىنى چەكلەپ، ئافرىقا، كارىب، تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىغان، سودا ھەمكارلىق جەھەتتە ئافرىقا، كارىب، تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەردە ئورتاق بازار ئېچىش؛ ئافرىقا، كارىب، تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت كىرىمىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش جەھەتتە، بۇ دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كېتىش ياكى مەھسۇلات مىقدارى كەملەپ كېتىش تۈپەيلىدىن زىيان كۆرۈلسە، زىياننى بەلگىلىك تۆلەپ بېرىش؛ مالىيە ھەمكارلىقى جەھەتتە، ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ئافرىقا، كارىب، تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرگە بېرىلىدىغان مالىيە ياردىمىنى بۇرۇنقىدىن زور دەرىجىدە كۆپەيتىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن.

لوندون ئەھدىنامىسى

  • لوندون ئەھدىنامىسى[يەشمىسى:] (1) گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى مەزگىلىدە، 1827-يىل 7-ئاينىڭ 6-كۈنى روسىيە، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ۋەكىللىرى لوندوندا ئىمزالىغان ئەھدىنامە. ئەھدىنامىگە ئاساسەن، ئۈچ دۆلەت بىللە ھەرىكەت قىلىپ، تۈركىيىنى، گرېتسىيىنى قوراللىق باستۇرۇشنى توختىتىشقا ھەمدە تۈركىيىگە ھەر يىلى ئولپان تاپشۇرۇش شەرتى ئاستىدا، گرېتسىيىگە ئاپتونومىيە بېرىشكە مەجبۇر قىلغان. قوشۇمچە مەخپىي ماددىلىرىدا سۇلتان ھەمكارلاشمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەھدىنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر قورال كۈچى ئارقىلىق ئىككى تەرەپنى ئۇرۇش توختىتىشقا مەجبۇر قىلىش بەلگىلەنگەن. كېيىن تۈركىيە ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتقانلىقتىن، روسىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە بىرلەشمە فلوتى 1827-يىل 10-ئاينىڭ 20 -كۈنى قوزغىغان ناۋارىنو (Navarino، ھازىرقى پلۇس، پېلوپونېس يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا) دىكى دېڭىز ئۇرۇشىدا تۈركىيە فلوتىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان. (2) قارا دېڭىز بوغۇزى (يەنى بوسفور بوغۇزى ۋە داردانىل بوغۇزى) نى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى خەلقئارا ئەھدىنامە. روسىيە، ئەنگلىيە، ئاۋسترىيە، پرۇسسىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى 1841-يىل 7-ئاينىڭ 13-كۈنى لوندوندا ئىمزالىغان. ئۇنىڭدا، تۈركىيە تىنچلىق مەزگىلىدە دېڭىز بوغۇزىدىن چەت ئەل ھەربىي كېمىلىرىنى ئۆتكۈزمەيدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئەھدىنامە روسىيە بىلەن ياۋروپادىكى باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قارا دېڭىز بوغۇزىنى تالىشىش كۈرىشىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن. (3) ئەنگلىيە-فرانسىيە ۋە ئىسپانىيىنىڭ مېكسىكىغا قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى شەرتنامىسى. 1861-يىل 10-ئاينىڭ 30-كۈنى لوندوندا ئىمزالانغان. بۇنىڭدا ئەھدىنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر مېكسىكا دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى مۇداپىئە پونكىتلىرىنى ئىگىلىۋېلىش ھەمدە بۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىي ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن، مېكسىكىنىڭ دېڭىز بويىغا قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئارىلاشما كۈچىنى ئەۋەتىش بەلگىلەنگەن. 1862-يىلى ئىسپانىيە ۋە ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدا ئېغىر ئىختىلاپ پەيدا بولغانلىقتىن، بۇلار ئىلگىرى-كېيىن بىرلەشمە مۇداخىلىدىن چېكىنىپ چىققان.

لوندون دېڭىز ئارمىيىسى يىغىنى

  • لوندون دېڭىز ئارمىيىسى يىغىنى[يەشمىسى:] 1930-يىل 1-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە لوندوندا ئۆتكۈزگەن دېڭىز ئارمىيىلىرى ھەربىي تەييارلىقلىرىنى چەكلەش ۋە قىسقارتىش يىغىنى. 1929 -يىلى كاپىتالىزم دۇنياسىدا مىسلىسىز ئېغىر ئىقتىسادىي كرىزىس پارتلاپ جاھانگىرلارنىڭ دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىشى تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن ئەھۋال ئاستىدا ئېچىلغان. «دېڭىز ئارمىيىلىرى ھەربىي تەييارلىقلىرىنى چەكلەش ۋە قىسقارتىش توغرىسىدىكى خەلقئارالىق شەرتنامىسى» نى ماقۇللاپ، ئۇ 1922-يىل 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋاشىنگتون يىغىنىدىكى «بەش دۆلەت دېڭىز ئارمىيىلىرى كېلىشىمى» نىڭ تولۇقلىمىسى قىلىنغان. ئۇنىڭدا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيىنىڭ ئوكيان چارلاش پاراخوتى، قوغلىغۇچى پاراخوتى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ئومۇمىي تونناژى بەلگىلەنگەن، بۇنىڭ ئىچىدە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ تونناژىدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيىنىڭ ئوخشاش سەۋىيىدە بولۇشىنى، ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت ۋە قوغلىغۇچى پاراخوتلارنىڭ تونناژىدا ۋاشىنگتون يىغىنىدا بەلگىلەنگەن چەكنى قوللىنىشنى، بۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەرنى 1936-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن بىر تەرەپ قىلىشنى بەلگىلىگەن. ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە 1930-يىل 10-ئاينىڭ 27-كۈنى تەستىقنامىنى تاپشۇرغان. فرانسىيە بىلەن ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزغا زومىگەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكتىن، بۇ شەرتنامىنى تەستىقلىمىغان. شۇڭا شەرتنامە پەقەت ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىلا كۈچكە ئىگە بولغان. 1935-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر لوندوندا يىغىن چاقىرىپ، شەرتنامىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى كېڭەشكەن. 1936-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە «دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي تەييارلىقلارنى چەكلەش شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان.

لوندون شەرتنامىسى

  • لوندون شەرتنامىسى[يەشمىسى:] (1) قىرىم ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە تۈركىيىنىڭ روسىيىگە قارشى ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى. 1854-يىل 4-ئاينىڭ 10-كۈنى لوندوندا ئىمزالانغان. ئۇنىڭدا ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە تۈركىيىگە ئاكتىپ ياردەم بېرىش ھەمدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە سۈلھ قىلىش توغرىسىدا روسىيە ئوتتۇرىغا قويغان ھەرقانداق تەكلىپنى بىر-بىرىگە ئۇقتۇرۇپ تۇرۇش؛ تۈركىيە ئىتتىپاقداشلىرىغا مەلۇم قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان ئەھۋال ئاستىدىلا، مۇھىم سىياسىي تەدبىر قوللىنىش ياكى روسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش بەلگىلەنگەن. (2) ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە روسىيە بىلەن ئىتالىيە 1915-يىل 4-ئاينىڭ 26-كۈنى لوندوندا ئىمزالىغان مەخپىي شەرتنامە. شەرتنامىدە ئىتالىيىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئانتانتا دۆلەتلىرىگە قاتنىشىش شەرتى بەلگىلەنگەن. شەرتنامىگە ئاساسەن، ئىتالىيە دەرھال گېرمانىيە ۋە ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشى، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە روسىيە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن ئىتالىيىگە ياردەم بېرىش بەلگىلەنگەن. تۆلەم سۈپىتىدە ئىتالىيە ئاۋسترىيىنىڭ ياۋروپادىكى بەزى بېقىندىلىرى (تىرول، ترىيېست، دالماتسىيە قاتارلىقلار) غا ئىگە بولۇش؛ ھەمدە ئالبانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئىتالىيىنىڭ «ھامىيلىقى» دىكى ئاپتونومىيە دۆلەت قۇرۇش، تۈركىيىنىڭ ۋە گېرمانىيىنىڭ ئافرىقىدىكى مۇستەملىكىلىرىنى بۆلگەندە، تېگىشلىك ئۈلۈشكە ئىگە بولۇش؛ لىۋىيىدە ئەسلى تۈركىيە سۇلتانلىقىغا مەنسۇپ بولغان بارلىق ھوقۇق ۋە قولاي شارائىتلارغا ئىگە بولۇش بەلگىلەنگەن.

لوندون مۇنارى

  • لوندون مۇنارى[يەشمىسى:] ئەنگلىيىنىڭ قەدىمكى قەلئەلىرىنىڭ بىرى. لوندوننىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە سېلىنغان. Ⅺ ئەسىردە ئەنگلىيە كورۇلى ۋېلھېلمⅠ (بويسۇندۇرغۇچى) تەختتىكى مەزگىلىدە ياسىلىشقا باشلىغان. قەلئەنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۋادرات شەكىللىك، رىم پاسونىدىكى بىر قۇرۇلۇش بولۇپ، ئۇنىڭ تۆت بۇلۇڭىنىڭ ھەربىرىدە بىردىن «ئاق مۇنار» دەپ ئاتىلىدىغان قاراۋۇل مۇنارى بار. ئەتراپىغا ئىككى قەۋەت سېپىل سوقۇلغان بولۇپ، ئىچكى سېپىلغا ئوپئوخشاش 13 كۆزىتىش پەشتىقى، تاشقى سېپىلغا ئالتە كۆزىتىش پەشتىقى سېلىنغان. سىرتقى سېپىلنىڭ جەنۇب تەرىپى تېمزا دەرياسىغا ياندىشىپ تۇرىدۇ؛ شەرق، غەرب، شىمال تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سۇ خەندىكى كولانغان. پۈتۈن قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى يەتتە گېگتار كېلىدۇ. Ⅻ ئەسىردە ئەنگلىيە كورۇلى سىتېپىن بۇ يەرنى پادىشاھ جەمەتىنىڭ ئولتۇراق جايى قىلغان. ⅩⅥ ئەسىردىن باشلاپ بۇ يەر تۈرمە قىلىنىپ، مۇھىم سىياسىي جىنايەتچىلەر بۇ يەرگە قامالغان ۋە مۇشۇ يەردە ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

لوندون ئىشچىلار جەمئىيىتى

  • لوندون ئىشچىلار جەمئىيىتى[يەشمىسى:] 1836-يىلى لوندوندا قۇرۇلغان ئەنگلىيە ئىشچىلىرى تەشكىلاتى. ئاساسەن قول سانائەتچىلەردىن تەشكىل قىلىنغان. رەھبىرى ياغاچچى لوۋېت (William Lovett، 1800 — 1877). 1837-يىلى ئاساسىي نىزام ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي پروگراممىسى — «خەلق ئاساسىي نىزامى» نى ئېلان قىلغان. جايلاردا يەرلىك جەمئىيەتلەرنى قۇرغان. «ئىككى پىنىسلىق تېز خەۋەر» (كېيىن نامى «لوندون تېز خەۋەرلىرى» گە ئۆزگەرتىلگەن) ژۇرنىلىنى نەشىر قىلغان. ئاساسىي نىزام ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى يىغىلىش، نامايىش قىلىش ۋە باشقا ھەر خىل شەكىلدىكى كۈرەشلەرگە ئاكتىپ رەھبەرلىك قىلغان. لېكىن ئۇنىڭ يۇقىرى تەبىقە رەھبەرلىرى بارغانسېرى مۇرەسسە ۋە ئىسلاھاتقا بېرىلىپ كەتكەن. 1840-يىلى جەمئىيەتنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى ئىسلاھاتچىلىق لۇشيەنىنى يولغا قويغان، لوندون ئاساسىي نىزام ئىتتىپاقىغا كىرگەن.

لوندون يىغىنى

  • لوندون يىغىنى[يەشمىسى:] 1830-يىلقى بېلگىيە ئىنقىلابىدىن كېيىن بۇ دۆلەتنىڭ گوللاندىيىدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا دائىر مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان خەلقئارالىق يىغىن. 1830-يىلى 10-ئايدىن 1931-يىلى 11-ئايغىچە لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن. ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە، ئاۋسترىيە، پرۇسسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. ئەنگلىيە گوللاندىيىنىڭ سودىدىكى رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىشنى، فرانسىيە بولسا گوللاندىيە بىلەن بېلگىيىنىڭ بىرلىشىشىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ياۋروپادىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەشنى ئويلىغان. روسىيە، ئاۋسترىيە ۋە پرۇسسىيە قارشى تۇرۇش پوزىتسىيىسىدە بولغان. لېكىن ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن ئاخىر بېلگىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە بېلگىيە پادىشاھلىقىنى قۇرۇش توغرىسىدىكى لوندون شەرتنامىسى ئىمزالانغان.

لوندىنئۇم

  • لوندىنئۇم[يەشمىسى:] (Londinum ياكى Londinium) ئەنگلىيىنىڭ قەدىمكى شەھىرى، ھازىرقى لوندون. دەسلىپىدە تېمزا دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا سېلىنغان، كېيىن شىمالىي قىرغىقىغا كېڭەيتىلگەن. كائېسار برىتانىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن (مىلادىدىن ئىلگىرى 55 — 54) دە، بۇ شەھەر پۈتكەنىدى (كائېسار بۇ شەھەرنى تىلغا ئالمىغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ شەھەر ئۇنىڭ ھەربىي يۈرۈش يولىدا ئەمەس ئىكەن). مىلادىⅠ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى (نېرو تەختتىكى مەزگىلىدە) دا خېلى گۈللەنگەن. سۇ ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشى قولاي بولغانلىقتىن، رىم سودىگەرلىرى دائىم بۇ يەرگە كېلىپ سودا قىلىشقان. رىم مۇستەملىكىچىلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇقلىرى يەرلىك «ئايال پادىشاھ» بۇدىكا (Boudicca) باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭنى كەلتۈرۈپ چىقارغان (62). رىم ئەمەلدارى سۇئېتونى پالىن(Suetonius Paulinus) لوندىنئۇمدىن چېكىنىپ چىققاندا، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. كېيىن يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قايتىدىن گۈللەنگەن. Ⅳ ئەسىردە (كونستانتىن ياكى تېئودوس ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلى)، شەھەر سېپىللىرى تېخىمۇ تۈزەشتۈرۈلۈپ، خەندەكلەر چوڭقۇرلىتىلىپ، قورغانلار ئېگىزلىتىلىپ، تەرەپ-تەرەپلەرگە يوللار ئېلىنىپ، برىتانىيىنىڭ شەرقىي جەنۇب رايونىدىكى چوڭ شەھەرگە ئايلىنىپ، ئاۋگۇستا (Augusta) دەپ نام ئالغان.

لونگۇئېت

  • لونگۇئېت[يەشمىسى:] (Charles Felix Cesar longuet، 1833 — 1903-يىللار) فرانسىيىلىك سوتسىيالىست، مۇخبىر. ئىككىنچى ئىمپېرىيە مەزگىلىدە «سول قىرغاق گېزىتى» نىڭ تەھرىرى بولغان ھەمدە ھەرقايسى دېموكراتچى گېزىت-ژۇرناللارغا ماقالە يېزىپ تۇرغان. 1865 — 1870-يىللاردا بېلگىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1866 — 1872-يىللاردا بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال باش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە بېلگىيىنىڭ ئاخبارات سېكرىتارى بولغان. 1870-يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن، پارىژ مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسى 248 -باتالىيوننىڭ كوماندىرى، 20-رايون مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1871-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى قوزغىلاڭغا قاتناشقان. 4-ئاينىڭ 16-كۈنى پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلانغان. كېيىن كوممۇنانىڭ «ئاخبارات» گېزىتىنىڭ تەھرىرى، ئەمگەك ۋە ئارىۋاشلاش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئاز سانلىقلارغا مەنسۇپ بولغان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جەنۋە ۋە لوندوندا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. سىرتتىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1872-يىلى ماركسنىڭ چوڭ قىزى يېننى (Jenny Marx، 1844 — 1883) بىلەن توي قىلغان. 1880-يىلى ئومۇمىي كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ، دېموكراتچى گېزىت-ژۇرناللارغا داۋاملىق ماقالە يېزىپ تۇرغان. بىر مەزگىل «مۇمكىنچىلەر» گە يېقىنلاشقان. 1886-يىلى پارىژ شەھەر مەمۇرىيىتى مەسلىھەتچىسى بولۇپ سايلانغان. 1889-يىلى، سوتسىيالىستىك گېزىتى — «باراۋەرلىك گېزىتى»گە تەھرىر بولغان. ماركسنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان.

لونگىنوس

  • لونگىنوس[يەشمىسى:] (Kassios Longinos ياكى Cassius Longinus تەىمىنەن 213 — 273)قەدىمكى يۇناننىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياشىغان ئالىم. تۇغۇلغان ئورنى ئېنىق ئەمەس. جايلارنى ساياھەت قىلىپ، مەشھۇر شەخسلەر بىلەن، جۈملىدىن ساكاس (Ammonius Saccas)، ئورىگېن (Origen) ۋە پىئوتىنوس (Piotinus) قاتارلىقلار بىلەن تونۇشۇپ، ئالدىنقى ئىككىسىنى ئۇستاز تۇتقان. ئەپلاتون پەلسەپىسىگە ئىخلاس قىلغان. ئافىنادا مەكتەپ ئېچىپ، پەلسەپە، ستىلىستىكا، گرامماتىكا قاتارلىق پەنلەردىن دەرس ئۆتكەن. شاگىرتلىرىدىن مەشھۇر بولغان پورپىرى (يېڭى ئەپلاتونچى) نىڭ بىلىمى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇ «تىرىك كۇتۇپخانا» دەپ نام ئالغان. كېيىن شەرقتىكى پالمىرا (Palmyra، سۈرىيىنىڭ شەرقىدە) غا بېرىپ ئايال پادىشاھ زېنوبىيە (Zenobia) گە ئۇستاز ۋە مەسلىھەتچى بولغان. ئايال پادىشاھقا رىمغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىپ، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، (273 - يىلى)، پادىشاھ ئورېلىئان (Aurelianus) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ «ئالىيجانابلىق» دېگەن ئەسىرى ئاساسەن ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرىنىڭ پارچىلىرىلا ساقلىنىپ قالغان.

لوۋېل

  • لوۋېل[يەشمىسى:] (Percival Lowell، 1855 — 1916) ئامېرىكىلىق ئاسترونوم. بوستوندا تۇغۇلغان. 1876-يىلى خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1883 — 1893-يىللىرى ياپونىيە، چاۋشيەندە خىزمەت قىلغان. كېيىن ئاسترونومىيە ئۈستىدە ئىزدەنگەن. 1894-يىلى ئارىزونا شتاتىنىڭ فلاگىستاف دېگەن يېرىدە لوۋېل رەسەتخانىسىنى قۇرغان. 1902-يىلى موزېل تەبىئىي پەن سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىدە ئاسترونومىيە ئىلمىي بويىچە پروفېسسور بولغان. ئۇران ئوربېتىسىنىڭ پەرقى ھېساباتىغا ئاساسەن، نېپتوننىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئالدىن بىلگەن ھەمدە مارستا ئادەم ۋە قانال بار دەپ ھېسابلىغان. «يىراق شەرق روھى»، «مارس ۋە ئۇنىڭدىكى قاناللار»، «مارستا ماكانلىشىشقا بولامدۇ؟»، «تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ شەكىللىنىشى» قاتارلىق ئاساسىي ئەسەرلىرى بار.

لوئېب

  • لوئېب[يەشمىسى:] (Jacques Loeb، 1859 — 1924) ئامېرىكىلىق بىئولوگىيە ئالىمى، يېقىنقى زامان تەجرىبە بىئولوگىيىسىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. گېرمانىيىدە تۇغۇلغان. بېرلىن، ميۇنخېن، ستراسبۇرگ قاتارلىق جايلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان. 1892 — 1902-يىللىرى چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان. 1902 — 1910-يىللىرى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىئولوگىيە پروفېسسورى بولغان. 1910 — 1924-يىللىرى روكېفېللېر (Rockefeller) مېدىتسىنا تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. گېرمانىيە فىزىئولوگى ساكىسنىڭ خىزمىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، مۇرەككەپ ھاياتلىق ھادىسىلىرىنى ئاددىي فىزىكىلىق، خىمىيىلىك قانۇنلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان. فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك قوزغىتىش ھايۋاناتلارنىڭ تەبىئىي ھەرىكىتىنى پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى؛ شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆلۈپ كەتمىگەن ئىسپېرمىنىڭ ئاتىلىنىش رولىنى پەيدا قىلالايدىغانلىقىنىمۇ ئىسپاتلىغان. ئاددىي خىمىيىلىك قوزغىتىش ئارقىلىق دېڭىز كىرپىسى تۇخۇمىنى يېتىلدۈرۈپ، بۇنىڭ بىلەن سۈنئىي يەككە جىنسلىق كۆپىيىشنى كەشپ قىلغان. مۇھىم ئەسەرلىرىدىن «ھايات مېخانىزمى»، «قايتا تۇغۇلۇش» قاتارلىقلار بار.

لوئىⅠ

  • لوئىⅠ[يەشمىسى:]Lajos I، 1326 — 1382)، ۋېنگرىيە ئانژۇ سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1342 — 1382)، پولشا كورۇلى (1370 — 1382). تەختتە تۇرغان چاغدا ئوتتۇرا، ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەر ۋە شەھەر ئاھالىسىگە تايىنىپ، پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتكەن. 1351-يىلى قانۇن ئېلان قىلىپ، پەقەت ئاقسۆڭەكلەرنىڭلا يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلالايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن ھەمدە دېھقانلارنى يەرگە چىڭ باغلاپ قويۇپ، خوجىلىق يەر ئىگىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا قاراشلىق قىلغان. سىرتقا قارىتا، نېئاپول كورۇللۇقى، ۋېنېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، دالماتسىيە، كرۇدىيىنى بېسىۋالغان؛ بوسىنىيە، سېربىيە، ۋالاخىيە ۋە مولدوۋالارنى ئىتائەت قىلدۇرغان. پولشا كورۇللۇقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەندىن كېيىن، 1374-يىلى پولشا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئىمتىيازىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان «كوسىتې نىزامى» نى ئېلان قىلغان.

لوئىⅥ

  • لوئىⅥ[يەشمىسى:]Louis Ⅵ le Gros، 1081 — 1137)، فرانسىيە كاپېتىئېنىس سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1108 — 1137). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، شەھەر ۋە چىركاۋغا تايىنىپ، پادىشاھ جەمەتىنىڭ خوجىلىق يېرىدىكى فېئوداللارنى بويسۇندۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالىي دەرىجىلىك مىسسىئونېرلارنى ۋەزىرلىككە قويۇپ، ئوردا ئىشلىرىغا قاتناشتۇرغان، موناستىر باشلىقى سۇگېرۇس ( Sugerus، تەخمىنەن 1081 — 1151) ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇر ئىدى.

لوئىⅦ

  • لوئىⅦ[يەشمىسى:]Louis leⅦ Jeune، تەخمىنەن 1121 — 1180)، فرانسىيە كاپېتىئېنىس سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1137 — 1180). لۇئىⅥ نىڭ ئوغلى. 1137-يىلى ئاكۇيتانىيە كىنەزىنىڭ قىز ۋارىسى ئالىئېنور (Alienor d Aquitaine، 1122 — 1204) بىلەن توي قىلغان. 1147 — 1149-يىللاردا ئەھلىسەلىپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىغا قاتناشقان. 1152-يىلى ئالىئېنور بىلەن نىكاھتىن ئاجراشقان، ئالىئېنور ئانژوگرافى ھېنرىغا تۇرمۇشقا چىققان. ھېنرى 1154-يىلى ئەنگلىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھېنرىⅡ دەپ ئاتالغان، شۇنىڭ بىلەن فرانسىيىنىڭ ئانژو، ئاكويتانىيە قاتارلىق كەڭ زېمىنى ئەنگلىيە پادىشاھ جەمەتىگە تەۋە بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن فرانسىيە، ئەنگلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ پادىشاھ جەمەتلىرى يۇقىرىقى زېمىنغا كونتروللۇق قىلىش ھوقۇقىنى ئۇزاق ۋاقىت تالاشقان.

لوئىⅧ

  • لوئىⅧ[يەشمىسى:] (Liouis Ⅷ ياكى Coeur de Lion، 1187 — 1226)، فرانسىيە كاپېتىئېنىس سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1223 — 1226). فىلىپ Ⅱنىڭ ئوغلى، لوئى Ⅶ نىڭ نەۋرىسى. 1200-يىلى ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىⅡ نىڭ قىز نەۋرىسى، كاستىلىلىق بلانچې (Blanche of Castile، 1187 — 1252) بىلەن توي قىلغان ھەمدە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەنگلىيىنىڭ كورۇللۇق تەختىگە كۆز تىككەن. 1216-يىلى ئەنگلىيىدە چوڭ ئاقسۆڭەكلەر توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، يوھان (يەرسىز كورۇل) غا قارشى تۇرۇپ، لۇئىنى ئەنگلىيە كورۇلى دەپ ئېتىراپ قىلغان. شۇ يىلى ئەنگلىيىگە بارغان. 1217-يىلى يوھاننىڭ ئوغلى ھېنرىⅢ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، فرانسىيىگە قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان. فرانسىيىنىڭ كورۇللۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە پادىشاھ جەمەتىنىڭ فرانسىيىدىكى خوجىلىق يېرى پۇۋانا، لىموئۇسىن (Limousin) ۋە پېرىگورنى (Perigord)قاتارلىقلارنى تارتىۋالغان. 1226-يىلى ئەسكەر چىقىرىپ ئالبى مەزھىپىدىكىلەرنى باستۇرغان. «ئالبى مەزھىپىدىكىلەر ئۇرۇشى» غا قاراڭ.

لوئىⅨ

  • لوئىⅨ[يەشمىسى:]LouisⅨ، 1214 — 1270)، فرانسىيە كاپېتئېنىس سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1226 — 1270). لوئىⅧ نىڭ ئوغلى. كىچىك چېغىدىلا تەختكە ئولتۇرغان، ئانىسى بلانچې نائىبلىق قىلغان. 1236-يىلى ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئالغان. 1242-يىلى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتقان. يەرلىك فېئودال تەپرىقىچى كۈچلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئەدلىيە، پۇل تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئىسلاھ قىلغان؛ ئالىي سوت (پارلامېنت دەپ ئاتالغان) قۇرۇپ، زوردېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى يولغا قويۇپ، فېئوداللار سوتىنىڭ ھوقۇقىنى چەكلىگەن؛ پادىشاھ جەمەتىنىڭ خوجىلىق يېرى دائىرىسىدە دۇئېلغا چىقىپ ھۆكۈم قىلىشنى ھەمدە فېئوداللار ئارا خۇسۇسىي ئۇرۇش قىلىشنى مەنئى قىلغان؛ پادىشاھ جەمەتىنىڭ خوجىلىق يېرىنىڭ سىرتىدىكى فېئوداللارنىڭ ئۆزئارا قوراللىق جاڭجاللىرىغا قارىتا، «كورۇلنىڭ قىرىق كۈنى» تۈزۈمىنى يولغا قويغان، بۇ مەزگىل ئىچىدە جەڭ ئېلان قىلىنغان تەرەپ كورۇلغا ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولغان؛ ئالتۇن-كۈمۈش پۇل قۇيدۇرۇپ پۈتۈن مەملىكەت ئىچىدە ئوبوروت قىلدۇرۇش ئارقىلىق يەرلىك فېئوداللار ۋە شەھەرلەر ئۆز ئالدىغا قۇيدۇرغان پۇللارنى تەدرىجىي ھالدا چەتكە قاققان. 1248- يىلى 7-قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسىنى باشلاپ مىسىرغا ھۇجۇم قىلغان، 1250-يىلى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن ۋە سۈرىيىدە تۆت يىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن پۇل خەجلەپ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى سېتىۋالغان. 1270-يىلى يەنە سەككىزىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسىنى باشلاپ تۇنىسقا يۈرۈش قىلغان، شۇ يىلى 8-ئايدا كېسەل يۇقۇپ، تۇنىس شەھىرىنىڭ يېنىدا ئۆلگەن. 

لوئىⅪ

  • لوئىⅪ[يەشمىسى:]LouisⅩⅠ، 1423— 1483)، فرانسىيە ۋاررويا سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1461 — 1483). چارلېس Ⅶ نىڭ ئوغلى. ئەسكەر تارتىپ ئىسيان كۆتۈرۈپ، دادىسىغا قارشى چىققان. تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ئوتتۇرا، ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرگە تايىنىپ، چوڭ فېئوداللارغا قارشى كۈرەش قىلىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن. 1464-يىلى چوڭ فېئوداللار «ئورتاق مەنپەئەت ئىتتىپاقى» نى قۇرۇپ، پادىشاھلىق ھاكىمىيەت بىلەن قارشىلاشقان. ئۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، سېتىۋېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، قارشى تەرەپنى پارچىلىغان.1477-يىلى شۋېتسارىيە، لوررائىن بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ئورتاق مەنپەئەت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى، بۇرگۇندى كىنەزى چارلېس (جاسارەتلىك) نى مەغلۇپ قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈشنى قوللىغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ رۇسسىللون (Roussillon)، ئانژۇ، مائىن، پروۋېنتسې، بۇرگۇندى كىنەزلىكى ۋە پىكاردى (Picardy) لارنى قوشۇۋېلىپ، فرانسىيىنىڭ سىياسىي بىرلىكىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرغان. قول سانائەت (بولۇپمۇ يىپەك توقۇمىچىلىق) ۋە ئىچكى-تاشقى سودىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، بۇرژۇئازىيىنى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىقىغا قويغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ئۈچ تەبىقە كېڭىشىنى پەقەت بىر قېتىملا ئاچقان (1468-يىلى)، ئادەتتىكى چاغلاردا پادىشاھ تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن. ئاساسلىق ئوردا كېڭىشىنىڭ مەسلىھەت بېرىشىگە تايانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن فرانسىيە بۇ مەزگىلدە تەبىقىلىق پادىشاھلىق تۈزۈمدىن تەدرىجىي ھالدا پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك تۈزۈمگە ئۆتكەن.

لوئىⅩⅣ

  • لوئىⅩⅣ[يەشمىسى:]LouisⅩⅣ، 1638 — 1715)، فرانسىيە كورۇلى (1643 — 1715). لوئى ⅩⅢ نىڭ ئوغلى. بەش يېشىدا تەختكە ئولتۇرغان، ئانىسى ئاننا نائىبلىق قىلغان، باش ۋەزىر مازارىن ئەمەلىي ھوقۇقنى ئىگىلىگەن. 1661-يىلى ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئېلىپ، باش ۋەزىر قويماي، «كورۇلنىڭ ئۆزى دۆلەتتۇر» دېگەن مۇتلەق پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويغان، كىشىلەر ئۇنى «قۇياش شاھ» دەپ ئاتىغان. 1665-يىلى كولبېرتنى مالىيە باش نازارەتچىلىكىگە تەيىنلەپ، سودىغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. چېگرا بېجىنى قوغداش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، سودا شىركەتلىرىنى تەسىس قىلىپ، قول سانائەت ئىشخانىلىرىنى يۆلەپ، مەملىكەت ئىچىدىكى چازىلارنى ئېلىپ تاشلاپ، قانال قازدۇرۇپ، كاپىتالىستىك سودا-سانائەتنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يەنە ئارمىيىنى ئىسلاھ قىلغان؛ ھەر خىل قانۇن ۋە نىزاملارنى تۈزۈپ چىققان. 1685-يىلى «نانتېس كەچۈرۈم پەرمانى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پروتېستانتلارغا زىيانكەشلىك قىلغان؛ كورۇل ئىمزا قويغان ۋە تامغا باسقان ئاق قولغا ئېلىش مەخپىي ئالاقە قەغەزلىرىنى تارقاتقان، كىشىنىڭ جېنىنى قۇشقاچنىڭ جېنىچىلىك كۆرمىگەن؛ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، ۋېرسال ئوردىسىنى ۋە چوڭ تىپتىكى خاتىرە خاراكتېرلىق ئىمارەتلەرنى يېڭىدىن ياساتقان. سىرتقا قارىتا، گوللاندىيىگە قارشى ئۈچ قېتىملىق ئۇرۇش ۋە ئىسپانىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا دۆلەت خەزىنىسى قۇرۇقدىلىنىپ، خەلق كۈن كەچۈرەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى ئۈزۈلمەي كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان، فرانسىيىنىڭ فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمى گۈللىنىشتىن خارابلىشىشقا قاراپ ماڭغان.

لوئىⅩⅤ

  • لوئىⅩⅤ[يەشمىسى:]LouisⅩⅤ، 1710 — 1774)، فرانسىيە كورۇلى (1715 — 1774). لوئىⅩⅣ نىڭ چەۋرىسى. دەسلەپتە ئورلېئان كىنەزى فىلىپ (Philippe, Duc d Orleans، 1674 — 1723)نائىبلىق قىلغان. 1716-يىلى پۇل-مۇئامىلە كاپىتالىستى جون لاۋنى خىزمەتكە قويۇپ، مالىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغان، ئەمما قەغەز پۇل قالايمىقان تارقىتىلىپ، بانكا نەقلەشتۈرۈشكە ئامالسىز قالغانلىقتىن، قولىدا قەغەز پۇل بارلار ۋەيران بولۇپ، ئىسلاھات مەغلۇپ بولغان. 1726-يىلىدىن باشلاپ كاردېنال فلېئۇرى(Andre Hercule de Fleury، 1653 — 1743) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 1743-يىلى ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئالغان، كەيپ-ساپاغا بېرىلىپ، خالىغىنىچە بۇزۇپ-چېچىپ، خەزىنىنى قۇرۇقداپ قويغان. 1750-يىلى باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان، ئەمما راھىبلار، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن مەغلۇپ بولغان. 1771-يىلى پارىژ ئالىي سوتىنى تارقىتىۋېتىپ، ۋەزىرى مائۇپېئائۇ ( Maupeau. A.R، 1714 — 1792) غا كورۇلغا تامامەن ئىتائەت قىلىدىغان «مائۇپېئائۇ سوتى» نى تەشكىل قىلدۇرغان. سىرتقا قارىتا، زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىش ئۇرۇشلىرىغا داۋاملىق قاتنىشىپ تۇرغان، پولشا تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى (1733 — 1735)، ئاۋسترىيە تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى (1740 — 1748) ۋە يەتتە يىللىق ئۇرۇش (1756 — 1763) لاردا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، دۆلەت مالىيەسىنى ۋەيران بولۇش گىردابىغا چۈشۈرۈپ قويغان. بۇرژۇئازىيە ئاقارتىش ھەرىكىتى جۈش ئۇرۇپ، فېئودال مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقى ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كەلگەن.

لوئىⅩⅥ

  • لوئىⅩⅥ[يەشمىسى:]LouisⅩⅥ، 1754— 1793)، فرانسىيە كورۇلى (1774 — 1792). لوئىⅩⅤ نىڭ نەۋرىسى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا، فرانسىيىدە سىياسىي، ئىقتىسادىي كرىزىس ئېغىرلاشقان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۇرگوت، نېككېر قاتارلىقلارنى مالىيە باش نازارەتچىلىكىگە تەيىنلەپ، مالىيە ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. 1789-يىلى 5-ئايدا ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا 175 يىل بولغان ئۈچ تەبىقە كېڭىشىنى ئېچىشقا مەجبۇر بولغان. پارىژ خەلقىنىڭ 14-ئىيۇل قوراللىق قوزغىلىڭى غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، 10- ئايدا ئوردىنى ۋېرسالدىن پارىژغا كۆچۈرۈپ كىرىشكە مەجبۇر بولغان. ئەمما «ئاۋغۇست پەرمانى» ۋە «كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى» نى تەستىقلاشنى رەت قىلغان ھەمدە «مىسسىئونېر، پۇقرالار تەشكىلىي قانۇنى» غا قارشى تۇرغان. 1791-يىل 6-ئاينىڭ 20-كۈنى گىرىم قىلىپ سىرتقا قاچقان بولسىمۇ، ۋارېننېس (Varennes) تا تۇتۇۋېلىنغان. 9-ئايدا «1791-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن» نى تەستىقلاپ، فرانسىيىلىكلەرنىڭ كورۇلى دەپ ئاتىلىپ، يېڭىباشتىن ھوقۇق تۇتقان. 1792-يىلى 4-ئايدا، ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنت ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغاندا، تاشقى دۈشمەنلەر ۋە قاچقۇن ئاقسۆڭەكلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىنقىلابنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 10-ئاۋغۇست ئىنقىلابىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. 9-ئاينىڭ 22-كۈنى مىللىي ئۇيۇشما پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، فرانسىيە 1-جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىككىنچى يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن.

لوئىⅩⅧ

  • لوئىⅩⅧ[يەشمىسى:] (LouisⅩⅧ، 1755 — 1824)فرانسىيە كورۇلى (1814 — 1824)، لوئىⅩⅥ نىڭ ئۇكىسى، ئەسلىدە پروۋېنتىسې گرافى دەپ ئاتالغان. 1791-يىلى 6 -ئايدا بريۇسسېلغا قېچىپ كەتكەن، كېيىن كوبلېنزغا بېرىپ، قاچاقلارنىڭ سەردارى بولغان. لوئى ⅩⅥ 1793-يىلى 1-ئايدا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، جىيەنىنى لوئى ⅩⅦ دەپ ئاتاپ، ئۆزى نائىبلىق قىلغان، 1795-يىلى جيەنى ئۆلگەندىن كېيىن، چەت ئەلدە ئۆزىنى لوئى ⅩⅧ دەپ ئاتىغان. 1799-يىلى تۇمانلىق ئاينىڭ ئون سەككىزىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ناپولېئونغا خەت ئەۋەتىپ، دۆلىتىگە قايتىشنى ۋە بوربون سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندا، رەت قىلىنغان. 1814-يىلى 4-ئايدا فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە بىلەن بىرلىكتە فرانسىيىگە قايتىپ كېلىپ، بوربون سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تىرىلدۈرگەن. 6-ئاينىڭ 4-كۈنى « 1814-يىلدىكى ئاساسىي نىزام» نى ئېلان قىلىپ، پادىشاھلىق-ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى يولغا قويغان. ناپولېئوننىڭ يۈز كۈنلۈك سۇلالىسى مەزگىلىدە، يەنە چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1815-يىلى ۋاتېرلوئو جېڭىدىن كېيىن، فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا يەنە پارىژغا قايتىپ كېلىپ، كورۇللۇق تەختىگە قايتا چىققان ھەمدە «بىردىنبىر پارلامېنت» قۇرۇپ، ئاق تېررورلۇق يۈرگۈزگەن. 1818-يىلى تۆت دۆلەت ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 1823-يىلى قوشۇن ئەۋەتىپ، ئىسپانىيە ئىنقىلابىنى باستۇرغان. كېيىن پارىژدا ئۆلگەن.

لوئى بلانك

  • لوئى بلانك[يەشمىسى:] (Jean Joseph Charles Louis Blanc، 1811 — 1882)، فرانسىيە ئۇششاق بۇرژۇئازىيە سوتسىيالىستى، مۇخبىر، تارىخشۇناس. مادرېدتا تۇغۇلغان. دادىسى ئىسپانىيە كورۇلى يوسېف بوناپارتنىڭ مالىيە باش نازارەتچىسى بولغان. بىرىنچى ئىمپېرىيە يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئالاستا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1834 -يىلى پارىژغا كېلىپ مۇخبىر بولۇپ، ھەرخىل گېزىت-ژۇرناللارغا ماقالە يېزىپ تۇرغان، 1839-يىلى «تەرەققىيپەرۋەر ئوبزور» نى تەسىس قىلغان. 1843 — 1847-يىللاردا «ئىسلاھات گېزىتى» نىڭ تەھرىرى بولغان. 1848-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى ۋە «ليۇكسېمبۇرگ كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، «مىللىي ئىشخانا» تەرغىپ قىلىپ، ئەمگەك بىلەن كاپىتال زىددىيىتىنى كېلىشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان، كېيىن ھۆكۈمەتتىن سىقىپ چىقىرىلغان. ئىيۇن قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئەنگلىيىگە قېچىپ بېرىپ، تارىخىي ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. 1870-يىلى 9-ئايدا ئىككىنچى ئىمپېرىيە ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن. ئىككىنچى يىلى 2-ئايدا مىللىي پارلامېنتنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، بىر تەرەپتىن پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى ئەيىبلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ۋېرسال ھۆكۈمىتىنىڭ رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشىغا قارشى تۇرغان. 1876 — 1882-يىللاردا يەنە پارلامېنت ئەزاسى بولغان بولسىمۇ، ئاكتىپ رول ئوينىمىغان. زورلۇق كۈچ بىلەن بولىدىغان ئىنقىلاب ۋە سىنىپىي كۈرەشكە، بۇرژۇئازىيىنى مەھرۇم قىلىشقا قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تىنچ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشىنى تەرغىپ قىلغان ھەمدە بۇرژۇئازىيە ئىشچىلارغا ياردەملىشىپ «ئەمگەكنى تەشكىللەپ بېرىدۇ» دەپ خام خىيال قىلغان. «ئەمگەكنى تەشكىللەش»، «ئون يىللىق تارى- خى »، «فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ تارىخى» قاتار- لىق ئاساسلىق ئەسەرلىرى بار.

لويد گېئورگې

  • لويد گېئورگې[يەشمىسى:] (David Lloyd George، 1863 — 1945) ئەنگلىيە باش ۋەزىرى (1916 — 1922). لىبېرالىستلار پارتىيىسى رەھبىرى. 1884-يىلى ئادۋوكات بولغان. 1890-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزاسى بولغان. كېيىن سودا، مالىيە ۋەزىرى بولغان. مالىيە ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە مال-مۈلۈك بېجى ۋە پاتېنت بېجىنى كۆپەيتىش ئۇسۇلى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ باج كىرىمىنى كېڭەيتكەن. 1911-يىلى داۋالىنىش ۋە ئىشسىزلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى بەرپا قىلغان. 1914-يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان چاغدا، ھۆكۈمەت ئامانەت-قەرز تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش بىلەن ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئۇرۇش راسخوتى توپلاپ بەرگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن ئەنگلىيىگە ۋەكالىتەن پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە مۇستەملىكە، بېقىندى ئەللەردىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلەرنى باستۇرغان ھەمدە سوۋېت روسىيىسىگە قوراللىق مۇداخىلە قىلىشنى پائال پىلانلىغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان. 1922-يىلى باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن، لېكىن يەنىلا پارلامېنتتىكى لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرىي بولۇپ كەلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلاش ئالدىدا، چېمبېرلېن ھۆكۈمىتىنىڭ ماداراچىلىق سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن. ئۇنىڭ «ئۇرۇش ئەسلىمىلىرى»، «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىنىڭ ھەقىقىي سىرى» ناملىق ئەسەرلىرى بار.

لويولا

  • لويولا[يەشمىسى:] (Inigo Lopez de Loyola، 1491 — 1556) كاتولىك دىنى ئىيېزۇئىتلار جەمئىيىتىنىڭ ئاساسچىسى. ئىسپانىيە ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان، كېيىن بىر قېتىملىق جەڭدە يارىلىنىپ ھەربىي سەپتىن بوشانغان. 1528-يىلى پارىژغا بېرىپ تېننولوگىيىنى تەتقىق قىلغان. 1534-يىلى پارىژدا بىر قىسىم شېرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىيېزۇئىتلار جەمئىيىتىنى قۇرغان. ئۇلار دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش، كاتولىك چېركاۋىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش، پاپانىڭ نوپۇزىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغانىدى؛ 1540-يىلى پاپا پاۋېل Ⅲ (PaulusⅢ، 1534 — 1549-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشكەن. ئىككىنچى يىلى ئىيېزۇئىتلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقلىقىغا (نامى «گېنېرال») سايلانغان. ئىيېزۇئىتلارنىڭ ھەرىكەت ئەقىدىسى: پاپا ۋە چېركاۋنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغانلىكى ۋاسىتىنى قوللىنىشتىن ئىبارەت. 1622-يىلى پاپا لويولانى ھۈرمەتلەپ «ئەۋلىيا» دەپ ئاتىغان. ئۇ «دىنىي مەشغۇلات» دېگەن بىر كىتابنى يازغان. 

لۇئاڭ پراباڭ دۆلىتى

  • لۇئاڭ پراباڭ دۆلىتى[يەشمىسى:] (1707-يىلى لائوستىكى لانشاڭ پارچىلانغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن مۇستەقىل دۆلەت. پايتەختى لۇئاڭ پراباڭ (Luang Prabang). دۆلەتنىڭ كۈچى ئاجىزراق، جەنۇبتىكى ۋېنتيەن دۆلىتى بىلەن پات-پات ئۇرۇش قىلىپ تۇرغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۈچلۈك بولغان قوشنىسى بىرما ۋە سىئام (ھازىرقى تايلاند) غا بېقىنغان. جۇڭگودىكى چىڭ سۇلالىسى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1885-يىلى سىئامغا قوشۇلغان. 1893-يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. 

لۇئاڭ پىبۇل

  • لۇئاڭ پىبۇل[يەشمىسى:] (Luang Pibul Songgram، 1897 — 1964) تولۇق ئىسمى لۇاڭ پىبۇل سوڭگرام. «لۇئاڭ» بىر خىل مەرتىۋە نامى. تايلاند زۇڭلىسى (1938 — 1944، 1948 — 1957). 1916-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. فرانسىيە توپچىلار مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1927-يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شىجاڭى بولغان. 1932-يىلى «24-ئىيۇن» سىياسىي ئۆزگىرىشىگە قاتناشقان. كېيىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1938-يىلى 12-ئايدا كابىنېت تەشكىل قىلىپ، زۇڭلى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە، تاشقى ئىشلار، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1940-يىلنىڭ ئاخىرى ياپونىيىنىڭ قوللىشى بىلەن، فرانسىيىگە قاراشلىق ھىندىچىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، تايلاند-فرانسىيە ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1941-يىلى 12-ئايدا، ياپونىيە بىلەن ئىتتىپاق شەرتنامىسى تۈزگەن ھەمدە ئۆزىنى قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىلىرىنىڭ مارشاللىقىغا ئۆستۈرگەن. 1942-يىلى 1-ئايدا، تايلاند ھۆكۈمىتى نامىدىن ئەنگلىيە، ئامېرىكىغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 1944-يىلى7-ئايدا تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان، 1947-يىلى تۈرمىدىن چىققان. ئىككىنچى يىلى 11-ئايدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، يېڭىباشتىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ھەمدە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1948-يىلى 4-ئايدا يەنە بىر قېتىم كابىنېت تەشكىل قىلغان. 1957-يىلى 9-ئايدا شالى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغاندىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. ياپونىيىدە ئۆلگەن. 

لۇبا پادىشاھلىقى

  • لۇبا پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى دۆلەت (بۈگۈنكى زايىردا). تەخمىنەن مىلادى Ⅷ ئەسىرلەردىلا مەۋجۇت بولغان. ⅩⅥ ئەسىردە كونگولو (Kongolo) لومامى (Lomami) دەرياسى بويىدا دۆلەت قۇرغان. ئىلوئانگا مىبىلى (Iloanga Mbili) تەختتىكى ۋاقتىدا بۇ دۆلەتنىڭ زېمىنى غەربتە بۇچىماي (Bouchimai) دەرياسىغىچە، شەرقتە لۇۋونا (Louvona) دەرياسىغىچە كېڭەيگەن. ئىگىلىكى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، مىس پارچىلىرىنى پۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن. پىل چىشى، مېتال ۋە قۇل سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. ⅩⅨ ئەسىرگە كەلگەندە زەئىپلىشىشكە باشلاپ، پادىشاھ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن بىرنەچچە ئۇششاق ئېمراتقا بۆلۈنۈپ كەتكەن. كېيىن بېلگىيە تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. 

لۇبلىن ئىتتىپاقى

  • لۇبلىن ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] پولشا بىلەن لىتۋا كىنەزلىكىنىڭ بىرلىشىش شەرتنامىسى. 1569-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى لۇبلىن (Lublin، پولشانىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) شەھىرىدە ئىمزالانغان. شەرتنامىدە: پولشا بىلەن لىتۋا بىرلىشىپ پولشا-لىتۋا پادىشاھلىقى (پولەك تىلىدىكى رەسمىي نامى Rzeczpo Polita بولۇپ، مەنىسى «جۇمھۇرىيەت») قۇرۇلىدۇ، ئورتاق پارلامېنت ۋە باشقا ئاپپاراتلار تەسىس قىلىنىدۇ، پارلامېنت سايلىمى ئارقىلىق كېلىپ چىققان كورۇل ھىمايە قىلىنىدۇ. بىرلىككە كەلگەن پۇل سىستېمىسى تىكلىنىدۇ ۋە بىر تۇتاش دىپلوماتىيە سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەر ئىككى تەرەپ ئىچكى ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا مەمۇرىي ئاپپارات، سوت مەھكىمىسى، خەزىنە ۋە ئارمىيە قۇرىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. قوشۇلۇش ئىككى دۆلەت فېئوداللىرىنىڭ ئوكرائىنا بىلەن بېلورۇسىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن. 1791-يىلى شەرتنامە بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىتتىپاق 1795-يىلغىچە داۋاملاشقان. 

لۇبې

  • لۇبې[يەشمىسى:]Emile Frangois Loubet، 1838 — 1929) فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1899 — 1906). ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1870-يىلى مونېتلىمار (Montelimar) شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان، 1876-يىلى ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ، مۆتىدىل جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان. 1885-يىلى كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى بولغان. جامائەت ئىشلىرى مىنىستىرى (1887 — 1888)، زۇڭلى، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى (1892)، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى (1892 — 1893) بولغان. زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرغىنىدا درېيفۇس (Dreifus) دېلوسى ھەمدە دۆلەتنى چېركاۋدىن ئايرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. شۇنىڭدەك 1904-يىلدىكى «فرانسىيە-ئەنگلىيە كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان.

لۇتېر

  • لۇتېر[يەشمىسى:] يەنى «مارتىن لۇتېر».

لۇچىتسىكىي

  • لۇچىتسىكىي[يەشمىسى:] (Иван Васильевич Лучицкий، 1845 — 1918) روسىيىلىك تارىخشۇناس. 1877-يىلدىن باشلاپ كىيېۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1907-يىلىدىن باشلاپ پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. دەسلەپكى يىللاردا ئاساسەن ⅩⅥ ئەسىردىكى فرانسىيىدە بولغان دىنىي ئۇرۇشلارنى تەتقىق قىلىپ، خۇگۇئېنوت (Huguenots) ئۇرۇشىنىڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سىياسىي ئەھمىيىتىنى ھەمدە فرانسىيىدە دىنىي نىقاب ئاستىدا قانات يايغان كەسكىن سىنىپىي توقۇنۇشلارنى يېشىپ بېرىشكە تىرىشقان ھەمدە شۇ دەۋردىكى دېھقانلار ھەرىكىتىگە دىققەت قىلغان. كېيىن فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى دېھقانلار مەسىلىسى ۋە يەر مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتكەن. كارېيېۋ، كوۋالېۋىسكىيلار بىلەن بىللە فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىي تارىخىي تەتقىقاتىدا رۇسچىلار ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن. «سانت بار تولومېۋۇ كېچىلىك قىرغىنچىلىقتىن كېيىنكى ئۈگىنۇچى ئاقسۆڭەكلەر ۋە جەنۇب بۇرژۇئازىيىسى»، «كاتولىك ئىتتىپاقى ۋە فرانسىيە كالۋىنچى مۇرىتلىرى»، «ئىنقىلابتىن ئىلگىرىكى فرانسىيە (ئاساسەن لىمۇزېن رايونى) دېھقانلىرىنىڭ يەر ئىگىلەش ئەھۋالى»، «ئىنقىلابتىن ئىلگىرىكى فرانسىيە يېزا ئىگىلىكىدىكى سىنىپلارنىڭ ئەھۋالى ۋە 1789 — 1793-يىللاردىكى يەر ئىسلاھاتى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

لۇد ھەرىكىتى

  • لۇد ھەرىكىتى[يەشمىسى:] . ئەنگلىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ستېخىيىلىك ئىشچىلار ھەرىكىتى. ئېيتىلىشىچە، نېد لۇد (Ned Ludd) دېگەن ئىشچى بىرىنچى بولۇپ باشلىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇ چاغلاردا ئىشچىلار كاپىتالىستىك ئېكسپىلاتاتسىيىنىڭ ماھىيىتىنى تېخى تونۇپ يەتمىگەچكە، ماشىنا-ستانوكلارنى كەمبەغەللىكنىڭ يىلتىزى دەپ قاراپ، ئۇلارنى بۇزۇپ-چېقىش يولى بىلەن كارخانىچىلارغا قارشى چىققان. 1811-يىلى ئەتىيازدا نۇتتىڭا مىشىر (Nottinghamshire) ۋىلايىتىدىكى توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى ئالدى بىلەن ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر ئاممىۋى تەشكىلات قۇرغان ھەمدە يېڭى كەشپ قىلىنغان توقۇش ماشىنىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ۋەيران قىلىشقا باشلىغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا لانكاشىر (Lancashire)، يوركىشىر (Yorkshire) ۋىلايەتلىرى ۋە مانچېستېر (Manchester) ھەمدە شوتلاندىيىلەردىمۇ بۇ خىل ئىشلار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن. 1812-يىلى پارلامېنت «ئامانلىققا كاپالەتلىك قىلىش قانۇن لايىھىسى» نى ماقۇللاپ، ئارمىيىنى ئىشقا سېلىپ باستۇرغان. 1813-يىلدىن كېيىن بۇ ھەرىكەت پەسىيىشكە باشلىغان. 1814-يىلى كارخانىچىلار ماشىنا-ستانوكلارنى بۇزغۇچىلارنى پايلاپ تۇتۇش جەمئىيىتى قۇرۇپ، ئىشچىلارغا دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قىلغان. لېكىن 1816-يىلدىن كېيىنمۇ بۇ خىل ھەرىكەت يەنىلا ئاندا-ساندا يۈز بېرىپ تۇرغان. 

لۇدۋىگ

  • لۇدۋىگ[يەشمىسى:] (Emil Ludwig، 1881 — 1948). گېرمانىيىلىك يازغۇچى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مۇخبىر بولغان. شۋېتسارىيىدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرغان. ئۇنىڭ «گيوتې»، «رېمبىراندنىڭ تەقدىرى»، «ۋېلھېلمⅡ»، «لىنكولىن» قاتارلىق رومان ۋە تەرجىمىھال ئەسەرلىرى بولۇپ، ئىدېئالىستىك نۇقتىئىنەزەر ئارقىلىق شەخسنىڭ تارىخ ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىدىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تەرغىپ قىلغان. يەنە «سەنئەتكار»، «تالانت ۋە پەزىلەت»، «سەنئەت ۋە تەقدىر» قاتارلىق ماقالىلەر توپلىمى بولۇپ، سەنئەتنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە رولىنى بايان قىلغان.

لۇدېرىتس

  • لۇدېرىتس[يەشمىسى:] (Franz Adolf Luderitz، 1834 — 1886)گېرمانىيىلىك مۇستەملىكىچى. برېمېنىلىك چوڭ سودىگەر. 1883-يىلى يەرلىك قەبىلە ئاقساقىلىنى ئالداش يولى بىلەن غەربىي جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئانگرا-پېكېنا (Angra - pequena) قولتۇقىنى سېتىۋېلىپ، گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي ئافرىقىنى بېسىۋېلىشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاپ بەرگەن. كېيىن ئانگرا-پېكېنانى بازا قىلىپ، قۇرۇقلۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ كېڭەيمىچىلىك قىلغان. 1884- يىلى گېرمانىيىگە قارام غەربىي ئافرىقىنى قۇرغان. 1886-يىلى ئورېنج دەرياسىغا چۆكۈپ كېتىپ ئۆلگەن. 

لۇدېندورف

  • لۇدېندورف[يەشمىسى:] (Erich Ludendorff، 1865 — 1937). گېرمانىيە گېنېرالى، مىلىتارىست. پومېشچىك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيەئوفىتسېرلار مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، مىلادىشىي لېيتېنانت بولغان. كېيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىگە كىرگەن. 1894-يىلدىن باشلاپ باش شتابتا خىزمەت قىلغان. 1908 — 1912-يىللاردا باش شتاب ئۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدە 2-جىتۇەنجۈن شتاب باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. لىيېگې (Liege) جېڭىدە كۆزگە كۆرۈنگەن. 1914-يىلى 8-ئايدا 8-جىتۇەنجۈننىڭ شتاب باشلىقى بولغان. تاننېنبېرگ (Tannenberg) جېڭى ۋە مازۇر كۆلى (Masur. See) جېڭىدە رۇس قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، 1914-يىلى 11-ئايدا شەرقىي فرونت يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقلىقىغا كۆتۈرۈلگەن. 1916-يىلى 8-ئايدا گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ باش نازارەتچىلىكىگە تەيىنلىنىپ، ئەمەلىيەتتە ھىندېنبۇرگ (باش شتاب باشلىقى) بىلەن ھەربىي ھوقۇقنى تەڭ ئىگىلەپ، ھەربىيلەرنىڭ سىياسىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، گېرمانىيىدە «ھەربىيلەر مۇستەبىتلىكى» نى شەكىللەندۈرگەن. 1917-يىلنىڭ بېشىدا، چەكلىمىسىز سۇ ئاستى پاراخوت ئۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بېتمانن ھوللىۋېگ ھۆكۈمىتىنىڭ تەختتىن چۈشۈشىگە سەۋەبچى بولغان. 1918-يىلى ئەتىيازدا غەربىي فرونتتا مارت ھۇجۇمىنى قوزغاپ، مەغلۇبىيەت ۋەزىيىتىنى ئوڭشاشقا ئۇرۇنغان. 1918-يىلى كۈزدە گېرمانىيە ئارمىيىسى غەربىي فرونتتا مەغلۇپ بولغان ۋە بالقان فرونتىدا تارمار بولغاندىن كېيىن، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابىدىن كېيىن شۋېتسىيىگە چىقىپ كەتكەن. 1919-يىلى ئەتىيازدا مەملىكىتىگە قايتىپ كېلىپ، سىياسىي پائالىيەت ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئوڭ قانات ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ مەركىزىي ئەربابىغا ئايلانغان. 1920-يىلى 3-ئايدا «كاپ توپىلىڭى» نى پىلانلاشقا قاتناشقان. 1923-يىلى 11-ئايدا يەنە گىتلېر قوزغىغان «پىۋىخانا توپىلىڭى» غا قاتناشقان. ئىككىنچى يىلى 5 -ئايدا، ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ نامزات كۆرسىتىشى بىلەن پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1926-يىلى ئەكسىيەتچىل تەشكى-لات — «تاننېنبېرگ ئىتتىپاقى» نى قۇرۇپ، يەھۇدىيلار ۋە كوممۇنىستلارغا ھەدەپ قارشى تۇرغان. «مېنىڭ ئۇرۇش ئەسلىمىلىرىم»، «مېنىڭ ھەربىي جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىم» ۋە «ئومۇمىي ئۇرۇش» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

لۇزاننا شەرتنامىسى

  • لۇزاننا شەرتنامىسى[يەشمىسى:] تولۇق ئاتىلىشى — «ئانتانتا ۋە ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيىگە قارىتا سۈلھ شەرتنامىسى». 1923-يىل 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، گرېتسىيە، رومىنىيە، يۇگوسلاۋىيە قاتارلىق يەتتە ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن يېڭىلگۈچى دۆلەت تۈركىيە شۋېتسارىيىنىڭ لۇزاننا (Lausanne) يىغىنىدا ئىمزالىغان. 1922-يىلى كۈزدە، كامال رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيە مىللىي ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى ئەنگلىيىنىڭ قوللىشىدىكى گرېتسىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىپ دۈشمەن قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان سۇلتاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە «سېۋر شەرتنامىسى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە يېڭىدىن «لۇزاننا سۈلھ شەرتنامىسى» نى تۈزگەن. شەرتنامىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئاساسىي تېررىتورىيىسىنى تولۇق ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، سىمىرنا رايونى بىلەن شەرقىي فراكىيىنى قايتۇرۇۋالىدۇ؛ تۈركىيە مىسىر، ماراكەش، لىۋىيە قاتارلىق جايلاردىكى زېمىن تەلىپىدىن ۋاز كېچىدۇ؛ دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيىگە قىلغان قوراللىق مۇداخىلىسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىيان ۋە چىقىمغا قارىتا، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزئارا تۆلەم تۆلىتىش تەلىپىدىن ۋاز كېچىدۇ؛ فرانسىيە بىلەن ئىتالىيىنىڭ كىچىك ئاسىيادىكى كۈچ دائىرىسى ۋە ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيىدىكى زېمىنىدىن تاشقىرى بارلىق ھوقۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، تاموژنىغا تۈركىيە ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، دېڭىز بوغۇزىدا خەلقئارا ئەركىن قاتناش يولغا قويۇلىدۇ، دېگەن پرىنسىپلاردىن ئىبارەت. 

لۇزاننا يىغىنى

  • لۇزاننا يىغىنى[يەشمىسى:] 1922-يىل 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 1923-يىل 7-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، گرېتسىيە، رومىنىيە، يۇگوسلاۋىيە قاتارلىق ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغۇچى دۆلەت تۈركىيە بىلەن شۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى لۇزاننادا ئۆتكۈزگەن يىغىن. بۇ يىغىن ئەنگلىيە بىلەن گرېتسىيىنىڭ تۈركىيىگە قىلغان قوراللىق مۇداخىلىسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، گرېتسىيە-تۈركىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، «سېۋر شەرتنامىسى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يۈزىسىدىن چاقىرىلغان. يىغىندا «ئانتانتا ۋە ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيىگە قارىتا سۈلھ شەرتنامىسى»، «دېڭىز قولتۇقى تۈزۈمى ئەھدىنامىسى»، «ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە قوشۇنلىرىنىڭ تۈركىيىدىكى ئىشغال قىلىۋالغان رايونلاردىن چېكىنىپ چىقىشى ھەققىدىكى كېلىشىم» قاتارلىق ئون نەچچە پارچە ھۈججەت ئىمزالانغان. «لۇزاننا شەرتنامىسى» غا قارالسۇن. 

لۇسۇن دۆلىتى

  • لۇسۇن دۆلىتى[يەشمىسى:] فىلىپپىندىكى قەدىمكى دۆلەت. ھازىرقى لۇسۇن ئارىلىدىكى مانىلا ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ. 1372-يىلى (مىڭ سۇلالىسى خۇڭۋۇنىڭ بەشىنچى يىلى) جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. 1405-يىلى (مىڭ سۇلالىسى يۇڭلېنىڭ ئۈچىنچى يىلى) مىڭ سۇلالىسى ئۇلارغا ئەلچى ئەۋەتكەن. 1410-يىلى (مىڭ سۇلالىسى يۇڭلېنىڭ سەككىزىنچى يىلى) يەنە مىڭ سۇلالىسىگە سوۋغا-سالام يوللىغان. جۇڭگونىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلەردىن بۇ يەرگە بارغانلار ناھايىتى كۆپ. ⅩⅥ ئەسىردە ئىسپانىيە تاجاۋۇزچىلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە باشلىغان. 1570-يىلى، ئىسپانىيە تاجاۋۇزچىلىرى مانىلاغا ھۇجۇم قىلغاندا راجان (Rajan، پادىشاھ دېگەن مەنىدە) سۇلايمان خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئىككىنچى يىلى، سۇلايمان قۇربان بولۇپ، مانىلا قولدىن كېتىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. جۇڭگونىڭ تارىخ كىتابلىرىدا يەنىلا «لۇسۇن» دەپ ئاتالغان.

لۇسىتانىيە

  • لۇسىتانىيە[يەشمىسى:]Lusitania) قەدىمكى ئىسپانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى رايون. ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىدا بولۇپ، شەرق ۋە شىمال تەرەپتىن تاررا كونېنسېس (Tarraconenses) رايونى بىلەن، جەنۇبىي تەرەپتىن بېتىكا (Baeetica) رايونى بىلەن، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تۇتىشىدۇ. تەخمىنەن بۈگۈنكى پورتۇگالىيە ھەمدە ئىسپانىيىنىڭ پورتۇگالىيىگە چېگرىداش ئۆلكىلىرى سالامانكا (Salamanca) ۋە كاسېرېس (Caceres) ئىككى ئۆلكىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئاھالىسى ئاساسەن لۇسىتانىلار (Lusitani) بولغان. لۇسىتانىلار كىلتلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، باتۇر، ئۇرۇشقاق بىر خەلق ئىدى. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىردە بۇ يەرگە رىملىقلار باستۇرۇپ كىرگەن. لۇسىتانىيىلىكلەر رىملىقلارغا قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. چارۋىچى ۋىرىئاتۇس (Wiriathus) باشچىلىقىدىكى قوشۇن باسقۇنچىلارنى كۆپ قېتىم يەڭگەن. كېيىن (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىر ئوتتۇرىلىرىدا) يېڭىلگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە رىملىقلار تەرىپىدىن ئۈزۈل-كېسىل بويسۇندۇرۇلغان. مىلادىدىن 27 يىل ئىلگىرى رىم ھۆكۈمرانلىقىدىكى بىر ئۆلكە بولغان. ئاۋگۇستا ئېمېرىتا (Auggusta Emerita) شەھىرى مۇھىم شەھەر ھېسابلىنىدۇ. غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەن مەزگىلدە، يەنى Ⅴ ئەسىردە غەربىي گوتلار (Goths) ئىسپانىيىنى ئىگىلىگەن (غەربىي گوت پادىشاھلىقىنى قۇرغان). Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە بۇ يەرنى ئەرەبلەر ئىگىلىگەن. 

لۇسىچ

  • لۇسىچ[يەشمىسى:] (Ivan Lucic، 1604 — 1679) يۇگوسلاۋىيىلىك تارىخشۇناس. رىم ۋە پادوۋا (Padova) دا تەربىيە ئېلىپ قانۇن پەنلىرى دوكتورى بولغان. كرودىيە ۋە دالماتسىيىنىڭ ھەممە ئارخىپلىرىنى رەتلەپ، كۆپلىگەن تارىخىي ماتېرىياللارنى يىغقان. يۇگوسلاۋىيە تارىخشۇناسلىقىدا بىرىنچى بولۇپ ئارخىپ ماتېرىياللىرىغا قارىتا ئىلمىي تەنقىد ئۇسۇلىنى قوللانغان. «دالماتسىيە ۋە كرودىيە پادىشاھلىقى»، «تروگىر شەھىرىنىڭ تارىخىي بەلگىلىرى توغرىسىدا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. لېكىن بۇلارنىڭ پەقەت قول يازمىسىلا بولۇپ، ھېچقايسىسى نەشىر قىلىنمىغان. 

لۇسىئېن

  • لۇسىئېن[يەشمىسى:] (Lucien Bonaparte، 1775 — 1840) فرانسىيىلىك سىياسىي ئەرباب، ناپولېئوننىڭ چوڭ ئىنىسى. كورىسكا ئىچكى ئۇرۇشىدا ناپولېئون قاتارلىقلار بىلەن بىللە فرانسىيە تەرەپتە تۇرغان. فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدا ياكۇبىنچىلارنىڭ پائالىيىتىنى قوللىغان. تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن بىر مەزگىل تۈرمىدە ياتقان. 1797-يىلى كورىسكا ۋەكىلى سۈپىتى بىلەن، 500 كىشىلىك پالاتاغا كىرگەن. 1799 -يىلى 11-ئايدا، 500 كىشىلىك پالاتانىڭ باشلىقى سايلاھىيىتى بىلەن ناپولېئوننىڭ تۇمانلىق ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغىشىغا ياردەم بەرگەن. ئىجرائىي ھۆكۈمەت مەزگىلىدە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، مادرىدتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن. كېيىن سىياسىي كۆزقاراش ۋە نىكاھ مەسىلىسىدە ناپولېئون بىلەن كەسكىن توقۇنۇشۇپ قالغان. ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، فرانسىيىدىن ئايرىلغان. قالغان ئۆمرىنى ئاساسەن ئىتالىيىدە ئۆتكۈزگەن. «100 كۈنلۈك خاندانلىقنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى» ناملىق ئەسىرى ۋە ئەسلىمىلىرى بار. 

لۇسىيان

  • لۇسىيان[يەشمىسى:] (Lucian ياكى Lucianus ياكى Loukianos، مىلادى 125 — 192). قەدىمكى يۇنان دەۋرىدىكى پەيلاسوپ، ساترىك شائىر. سۈرىيىنىڭ شىمالىدىكى ساموساتا (Samosata) دا تۇغۇلغان. ئائىلىسى نامرات بولۇپ، كىچىكىدە ياللانما ئىشچى بولغان. كېيىن ئانتيوكتا ئاقلىغۇچى بولغان شۇنداقلا نۇتۇق تېكىستى يېزىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان. يۇنان، ئىتالىيە، گاللىيە قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلغان ھەمدە ستىلىستىكىدىن دەرس بەرگەن، كىرىمى يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا مىسىردا ئەمەلدار بولغان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ نامىدا 80 نەچچە ئەسەر ساقلىنىپ كەلمەكتە (بەزىلىرى يالغان). ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىقى «دىئالوگ» قىسمى، ئۇنىڭدا بەزى ئىدېئالىست پەيلاسوپلار ۋە شۇ زاماندا ئېقىپ يۈرگەن تۈرلۈك دىنىي خۇراپاتلىقلار ئاممىباب يۇمۇرلۇق سۆزلەر بىلەن مەسخىرە قىلىنغان. دېموكرىت ۋە ئېپكۇرنىڭ ئاتوم تەلىماتى مەدھىيىلەنگەن، يېڭى ستوئىكچىلار پەلسەپىسىگە ۋە «روھ ئۆلمەسلىك» سەپسەتىگە زەربە بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۇنىڭ مال-مۈلۈكنى ئومۇمنىڭ قىلىش ۋە ھەممە ئادەم باپباراۋەر بولۇشقا ئىنتىلىدىغان ئىجتىمائىي غايىسى ئىپادىلەنگەن. ئۇ قەدىمكى يۇناننىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئاز سانلىق ماتېرىيالىستلار ۋە ئاتېئىزمچىلارنىڭ بىرى.

لۇشنيا قۇرۇلتىيى

  • لۇشنيا قۇرۇلتىيى[يەشمىسى:] 1920-يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئالبانىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى لۇشنيا (Lushnja) دا ئاچقان مىللىي قۇرۇلتاي. 50 نەپەر ۋەكىل قاتناشقان. قۇرۇلتاي پارىژ سۈلھ يىغىنىنىڭ 1919-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى ئالبانىيىنى پارچىلىغان ھەمدە ئۇنى ئىتالىيىنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىپ قويغان مېموراندومغا قارشى تۇرغان؛ خەلققە ئاسىيلىق قىلغان دۇررېس (Durres) ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ، يېڭى مىللىي ھۆكۈمەت ۋە ئالىي كېڭەش تەشكىللىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان؛ يېڭى نىزامنامە ماقۇللاپ، 1913-يىلىدىكى باش ئەلچىلەر يىغىنىدا تەستىقلانغان جاھانگىر كۈچلۈك دۆلەتلەر ئالبانىيىنى قۇل قىلغان ۋە چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان نىزامنامىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. بۇ قۇرۇلتاي دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىكى ۋە ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشىغا نىسبەتەن، ئاكتىپ رول ئوينىغان. 

لۇگالاندا

  • لۇگالاندا[يەشمىسى:]Lugalanda، مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅩⅣ ئەسىر) قەدىمكىدەۋردىكى مېسوپوتامىيىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇمېر (Sumer) شەھەر دۆلىتى لاگاشنىڭ خانى (پادىشاھى). تەختتە ئولتۇرغان چاغلىرىدا مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىغا نازارەتچى ۋە باجگىرلارنى ئەۋەتىپ، يېزا جامائەسى ئەزالىرىدىن ئېغىر باج ئالغان، ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋالغان. بۇتخانا-ئىبادەتخانىلارنىڭ ۋە تۆۋەن قاتلام كاھىنلارنىڭ مال-مۈلكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان ھەمدە بەزى ئىبادەتخانىلارنى دۆلەتكە سېلىق تاپشۇرۇشقا زورلىغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 2378 يىل ئىلگىرى خەلق ئاممىسى ۋە تۆۋەن قاتلام كاھىنلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇكاگىنا (Urukagina) ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزگەن. 

لۇگال-زاگگىسى

  • لۇگال-زاگگىسى[يەشمىسى:]Lugal — Zaggisi) قەدىمكى دەۋردىكى مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇمېر شەھەر دۆلىتى ئوممانىڭ خانى (پادىشاھى). تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 2371 — 2347) لاگاش، ئۇرۇك، ئۇر، لارسا قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئۇرۇك شەھىرىنى پايتەخت قىلىپ، ئۆزىنى «ئۇرۇك خانى»دەپ ئاتىغان. كېيىن ئاككاد خانى سارگونⅠ تەرىپىدىن يېڭىلىپ ئەسىرگە چۈشكەن.

لۇگدۇنۇم

  • لۇگدۇنۇم[يەشمىسى:] (Lugdunum) يەنە كىلتلارنىڭ لۇگدۇنۇمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گاللىيىدىكى قەدىمكى شەھەر. يەنى بۈگۈنكى فرانسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ليون(Lyon) شەھىرى. رودانۇس (Rhodanus بۈگۈنكى رون Rhone) دەرياسى بىلەن ئادار Arar بۈگۈنكى سائونې Saone) دەرياسىنىڭ قوشۇلغان ئورنىغا جايلاشقان. جەنۇبىي تەرىپى نار شتاتىدىكى گاللىيىگە تۇتاشقان بولۇپ، قاتناش قولايلىق، سودا راۋاجلانغان، نوپۇس زىچ. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كائېسار گاللىيىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن رىم مۇستەملىكىچىلىرى بۇ يەرگە تۈركۈملەپ كىرىشكە باشلىغان. ئاۋگۇست تەختتىكى ۋاقتىدا(مىلادىدىن ئىلگىرى 27-مىلادى 14-يىللار) مەزكۇر رايوننىڭ مەركىزىي شەھىرى ھەم رىم ئۆلكىسى باش ۋالىيسىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بولۇپ قالغان، نېرو (Nero) تەختتىكى ۋاقتىدا (54 — 68) ئوت ئاپىتىگە ئۇچراپ، كېيىن قايتا ياسالغان. مىلادى 197-يىلى تەخت تالىشىش كۈرىشىدە سېۋرۇس (Septimius Sevrus) نىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ شەھەر ئۇزۇنغىچە ئاۋاتلىشالمىغان. بۇ يەردە رىم دەۋرىدە قۇرۇلغان سۇ يولى ھەم ئوردا شەكىلدىكى قۇرۇلۇشلار بار. خرىستىئان دىنى تارىخىدا، بۇ يەر پوپ ئىرېنائۇس (Irenaeus، Ⅱ ئەسىر) نىڭ دىن تارقاتقان ئورنى بولغان. بۇنىڭدىن باشقا گاللىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئاگۋىتانىيە زېمىنىدا (Aguitania) ۋە رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى (دېڭىزغا قويۇلۇش ئېغىزى) دىكى باتاۋى (Batavi) رايونىدىمۇ لۇگدۇنۇم دەپ ئاتىلىدىغان شەھەر بولغان. 

لۇگگارۇ ئەھدىنامىسى

  • لۇگگارۇ ئەھدىنامىسى[يەشمىسى:] يەنى: «لۇگگارۇ كاپالەتلىك ئەھدىنامىسى». 1925-يىل 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، بېلگىيە، چېخوسلوۋاكىيە، پولشا قاتارلىق يەتتە دۆلەت ۋەكىللىرى شۋېتسارىيىنىڭ لۇگگارۇ (Luggarus) يىغىنىدا ماقۇللىغان، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئىمزالانغان. ئەھدىنامە ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) لۇگگارۇ يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كېلىشىمى؛ (2) گېرمانىيە، بېلگىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت ئىمزالىغان «رېين خەۋپسىزلىك ئەھدىنامىسى» («ئۆزئارا كاپالەتلىك قىلىش شەرتنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، بۇ ئاساسىي شەرتنامە بولۇپ، ئۇنىڭدا: گېرمانىيە-بېلگىيە، گېرمانىيە-فرانسىيە چېگرىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىماسلىقىغا گېرمانىيە، فرانسىيە، بېلگىيە ئۈچ تەرەپ كاپالەتلىك قىلىش، «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى» دىكى رېين رايونىنى ھەربىي ئىشلاردىن مۇستەسنا قىلىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش، بارلىق تالاش-تارتىشلارنى دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەل قىلىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن؛ (3) گېرمانىيە، بېلگىيە، فرانسىيە، پولشا، چېخوسلوۋاكىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئىمزالىغان تۆت خىل مۇرەسسە كېلىشىمى ۋە شەرتنامە. بۇنىڭدا: گېرمانىيە، بېلگىيە، فرانسىيە، پولشا، چېخوسلوۋاكىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان تالاش-تارتىشلارنى ئۆزئارا تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش، ھەربىر گۇرۇپپا شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر دائىمىي ھەيئەت تەسىس قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. ئەھدىنامىدە ئۇنىڭ مەقسىتى «ياۋروپانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى مۇستەھكەملەش» دەپ جاكارلانغان. ئەمەلىيەتتە، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئۇرۇشتىن كېيىنكى گېرمانىيىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى چېگرىسىنى مۇستەھكەملەپ، گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇز قىلىش نىشانىنى شەرققە بۇراشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، 1936-يىل 1-ئاينىڭ 7-كۈنى رېين ھەربىي ئىشلاردىن خالى رايونغا قوشۇن كىرگۈزگەن ھەمدە 1939-يىلى 4-ئايدا «لوگگارۇ ئەھدىنامىسى» نىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلاپ، ئارقىدىنلا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان.

لۇگونېس

  • لۇگونېس[يەشمىسى:] (Leopoldo Lugones، 1874 — 1938) ئارگېنتىنالىق شائىر، ئاخباراتچى ۋە جەمئىيەت ئەربابى. لاتىن ئامېرىكىسى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى نامايەندىلىرىدىن بىرى. ياۋروپاغا كۆپ قېتىم بارغان. ئارگېنتىنا ۋەكىلى سۈپىتىدە خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا قاتناشقان. 1926-يىلى ئارگېنتىنا دۆلەت ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇئىنوس-ئايرېستىكى «مىللەت» گېزىتىگە ماقالا يازغان ۋە «تاغ» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. 1938-يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. دەسلەپكى دەۋردىكى ئەسەرلىرىدىن «ئالتۇنتاغ»، «باغچىدىكى گۇگۇم»، «ھەسرەتلىك ئايلار» قاتارلىقلار بار. 1910-يىلى ئېلان قىلغان «100 يىلغا مەدھىيە» شېئىرلار توپلىمىدا ئارگېنتىنا مۇستەقىللىكىنىڭ 100 يىللىقىنى مەدھىيىلىگەن. كېيىنكى دەۋرلەردە ئېلان قىلىنغان «مەنزىرىلەر»، «قۇرۇق دەريا ناخشىلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىدا رېئالىستىك ئۇسلۇب بىلەن تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇنىڭ يەنە «گائۇچۇ ئۇرۇشى» ۋە «تەقدىر توغرىسىدا ھېكايە» ناملىق نەسرىي ئەسەرلەر توپلاملىرى بار. 

لۇلياڭدىكى زور غەلىبە

  • لۇلياڭدىكى زور غەلىبە[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ رىنچىن يىللىرىدىكى ۋەتەن ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندا چاۋشيەن-جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىلىرى بىرلىشىپ ياپونىيە فلوتىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان مۇھىم دېڭىز ئۇرۇشى. 1598-يىلى (چاۋشيەن شۋەنزۇنىڭ 31-يىلى، ياپونىيە چىڭچاڭنىڭ 3-يىلى، مىڭ سۇلالىسى ۋەنلىنىڭ 26-يىلى) ياپونىيىنىڭ چاۋشيەنگە قارشى ئېلىپ بارغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. تويوتومى خىدېچىكى ئۆلۈش ئالدىدا ئەسكەر چېكىندۈرۈش ھەققىدە ۋەسىيەت قالدۇرۇپ كەتكەن. ياپونىيە سانغۇنى كونىشى يوكىناگا سىچۇەن، نەنخەي، گوچىڭ قاتارلىق جايلاردىكى كېمە-پاراخوتلاردىن 500 نەچچىنى يۆتكەپ، ۋۇيىشەن، سىچۇەن، شونتيەن قاتارلىق جايلاردىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ چېكىنىشىنى قوغدىغان. 11-ئاينىڭ 18-كۈنى لى شۇنچىن چاۋشيەن دېڭىز ئارمىيىسىنى باشلاپ، جۇڭگو مىڭ سۇلالىسىنىڭ سەردارى چېن لىننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى چاۋشيەنگە ياردەم بەرگۈچى دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن بىللە لۇلياڭ (چىڭشاڭ نەنداۋ ئۆلكىسىنىڭ نەنخەي ۋىلايىتىدىكى شۆچۇەنميەن) دېڭىز يۈزىدە ياپونىيە فلوتى بىلەن جەڭ قىلىپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. لى شۇنچېن ۋە مىڭ سۇلالىسى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پېشقەدەم سەردارى دېڭ زىلۇڭ جىددىي جەڭدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. 

لۇكا يىغىنى

  • لۇكا يىغىنى[يەشمىسى:] قەدىمكى رىمنىڭ ئالدىنقى «ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقى» مەزگىلىدىكى بىر قېتىملىق يىغىن. مىلادىدىن 56-يىل ئىگىرى ئېترۇردىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى لۇكا (Luca) دا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى «ئۈچ كاتتىباش» ئارىسىدىكى ھوقۇق زىددىيىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان. يىغىنغا كائېسار، پومپېئىي، كراسۇدىن ئىبارەت «ئۈچ كاتتىباش» ۋە زور تۈركۈم مۆتىۋەرلەر ۋە باشقا ھوقۇقلۇق كىشىلەر قاتناشقان. يىغىندا: كائېسار ئۆزىنىڭ ئىچكى گاللىيە باش ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى داۋاملىق يەنە بەش يىل ئۆتەيدىغانلىقى؛ پومپېئىي بىلەن كراسۇ كېيىنكى يىللىق (مىلادىدىن 55-يىل ئىلگىرى) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ئەمەلدار (كونسۇل) بولىدىغانلىقى، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن پومپېئىيىنىڭ ئىسپانىيىگە، كراسۇنىڭ سۈرىيىگە بەش يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان. بۇ كېلىشىم «ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقى» نىڭ ئارازلىقىنى ۋاقىتلىق پەسەيتكەن. 

لۇكرېتئوس

  • لۇكرېتئوس[يەشمىسى:]Titus Lucretius Carus، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 98 — 54) قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى پەيلاسوپ ۋە شائىر. ھاياتى توغرىسىدىكى مەلۇمات ناھايىتى كەم. رىتسار ئائىلىسىدە كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. «شەيئىلەرنىڭ خاراكتېرى توغرىسىدا» (ئالتە توم) دېگەن داستان ژانىرىدا يېزىلغان ئەسىرىدە ئېپكوروسنىڭ ماتېرىيالىستىك تەلىماتىنى بايان قىلغان. بۇ ئەسەردىن ئۇنىڭ چوڭ ئادۋوكات (مىلادىدىن 58 يىل ئىلگىرى) مېمىئۇس (Memius Gemellus) قا بېغىشلانغانلىقى مەلۇم. ئاساسلىقى يۇنان پەيلاسوپى دېموكرىت بىلەن ئېپكوروسلارنىڭ ئاتوم نەزەرىيىسى كۆزقارىشى بايان قىلىنغان بولۇپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق ھادىسىلەرنى ئىلاھ ياراتقان ئەمەس، شۇنداقلا ئىلاھنىڭ باشقۇرۇشىدىمۇ بولمايدۇ، ئۇلار بىردىنبىر ھەقىقىي ماددا يەنى بۆلۈنمەس ئاتوملاردىن تەركىب تاپقان، دەپ قارىغان. ئادەمنىڭ «روھى» مۇ خۇددى ئۇنىڭ تېنىگە ئوخشاشلا ئاتوملاردىن قۇرۇلغان؛ تەن ئۆلگەنىكەن، ئادەمنىڭ «روھى» مۇ ئۆلىدۇ، شۇڭا ئادەملەر ئۆلۈمدىن كېيىنكى ۋەھىمىدىن ئەنسىرىمەسلىكى كېرەك، دەپ قارىغان. بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتە، تۇيغۇ بىلىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. دەسلەپكى كىشىلىك جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات-ئىلگىرىلەش مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقىپ، خۇسۇسىيلىققا بولغان ئاچكۆزلەرچە ئىنتىلىش — كىشىلىك دۇنياسىدىكى جىنايەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. «ماددىنىڭ خاراكتېرى توغرىسىدا» نىڭ قەدىمكى زامان پەلسەپە تارىخىدىكى قىممىتى، ئاتېئىزم ئارقىلىق كىشىلەرنى دىنىي خۇراپاتلىقنىڭ ئاسارىتىدىن ئاڭلىق تۈردە قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلغانلىقىدا. بۇ ئەسەر كېيىنكى كىشىلەرنىڭ ئېپكوروس پەلسەپىسىنى چۈشىنىشىدىمۇ مۇھىم ھۈججەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر لۇكرېتئۇس ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، تىسسېرو (M. T. Cicero) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. 

لۇكۇللۇس

  • لۇكۇللۇس[يەشمىسى:] (Lucius Licinius Lucullus، مىلادىدىن ئىلگىرى 117 — 56) قەدىمكى رىم قوماندانى. باشتا ئىتتىپاقچىلار ئۇرۇشىدا مارسىلار (Marsi،ياۋروپادا ياشىغان قەدىمكى مىللەت) بىلەن ئۇرۇشقان، كېيىن سۇللا (C. L. Sulla) نىڭ قول ئاستىدا گېنېرال بولۇپ پونتۇس (Pontus، كىچىك ئاسىيا) پادىشاھى مىترىدات Ⅵ(MithradatesⅥEupator) غا قارشى ئۇرۇشقا (مىلادىدىن 87 يىل ئىلگىرى) قاتناشقان. مىلادىدىن 47-يىل ئىلگىرى دىكتاتور بولۇپ، شەرققە يۈرۈش قىلىش («3-قېتىملىق مىتىرىدات ئۇرۇشى») نى داۋاملاشتۇرغان. مىتىرىدات ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقچىسى ئەرمەنىستان پادىشاھى تىگرانېسⅠ(TigranesⅠ) نى يېڭىپ، ئەرمەنىستان پايتەختى تىگرانوكېرتا (Tigranocerta) نى بېسىۋېلىپ، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقتىكى زېمىنىنى قارا دېڭىز بويلىرىغىچە كېڭەيتكەن. مىلادىدىن 66 يىل ئىلگىرى شەرققە يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ ھوقۇقى پومىپېيئوس (Pompeius) نىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن. لۇكۇللۇس ئۇستا ناتىق بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشىچە يۇنان يېزىقىدا مارسىلارنىڭ جەڭ تارىخىنى يازغانىكەن. 

لۇكىن

  • لۇكىن[يەشمىسى:] (Николай Миxайлович Лукин، 1885 — 1940) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق تارىخشۇناس. 1909-يىلى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1915-يىلدىن باشلاپ شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1918-يىلدىن باشلاپ يەنە مائارىپ ساھەسىگە قايتىپ،ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى، باش شتاب ئىنستىتۇتى ۋە قىزىل پروفېسسورلار ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1925-يىلى «ماركسچى تارىخشۇناسلار جەمئىيىتى» نى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1929-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. 1932 — 1936-يىلى كوممۇنىستىك ئاكادېمىيە تارىخ تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1936 — 1938-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1936 — 1938-يىلى «ماركسچى تارىخشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىي تارىخى بىلەن پارىژ كوممۇنىسى تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ چىقارغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «م روبېسپېر»، «1871-يىلدىكى پارىژ كوممۇنىسى»، «غەربىي ياۋروپا ھازىرقى زامان تارىخى»، «گېرمانىيە ھازىرقى زامان تارىخى (1890 — 1914)» ۋە «لۇكىن ئەسەرلىرىدىن تاللانما» قاتارلىقلار بار. 

لۇمبىنى

  • لۇمبىنى[يەشمىسى:] (Lumbini) «سۆيۈملۈك»، «تۈز» مەنىلىرىنى بېرىدۇ. بۇددا دىنىدىكى تۆت چوڭ مەشھۇر يادىكارلىقىنىڭ بىرى. نېپالنىڭ لۇمبىنى (Lumbini) ۋىلايىتىدە، گھاگھارا (Ghahara) دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا بولۇپ، بۈگۈنكى نامى رۇممىندېج (Rummindej). رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇددىزمنىڭ ياراتقۇچىسى ساكيامۇنى مۇشۇ يەردە تۇغۇلغانىكەن. سۇپرابۇددا (Suprabuddha) ئايالى لۇمبىنى ئۈچۈن مۇشۇ يەردە باغ بىنا قىلدۇرغانىكەن. 1896-يىلى قېزىلغان ئاسو كاتاش تۈۋرۈك پۈتۈكى بۇ يەرنىڭ لۇمبىنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. 1967-يىلى نېپال ئارخېئولوگىيە ئىدارىسى بۇ يەردە يەنە قېزىش ئېلىپ بېرىپ بۇت، ساپالدىن ياسالغان ئادەم بېشى ھەيكىلى، تەڭگە قاتارلىق نەرسىلەرنى تاپقان. ئايال ئىلاھ ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىن مائۇرىيا سۇلالىسى دەۋرىدە تاشقا ئويۇلغان بۇددانىڭ تۇغۇلۇشى سۈرىتى تېپىلغان. جۇڭگولۇق راھىب شۇەنزاڭ بۇ يەرگە كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ خاتىرىلىرىدىكى پاكىتلار يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنغان نەرسىلەرگە ماس كېلىدۇ.ھازىر بۇ يەردە كۆلچەك، بۇددا دەرىخى (مۇقەددەس فىكۇس دەرىخى) ۋە مۇنار ئىزى بار. نېپال ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ يەردە لۇمبىنى خارابىلىرى مۇزېيى قۇرۇۋاتىدۇ. لۇمبىنى يادىكارلىقى نېپال تارىخىنى ۋە جۇڭگو، نېپال مەملىكەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قەدىمكى دەۋرلەردىكى مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئالماشتۇرۇشلارنى تەتقىق قىلىشتا زور قىممەتكە ئىگە. 

لۇمۇمبا

  • لۇمۇمبا[يەشمىسى:] (Patrice Lumumba، 1925 — 1961) كونگو (لېئوپولدۋىل) (بۈگۈنكى زايىر) مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى. كاساي (Kasai) ئۆلكىسىدىكى باتېتلا (Batetla) مىللىتىدىن. 13 يېشىدا چېركاۋ مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن، پوچتا خادىمى بولغان. 1955-يىلى شەرق ئۆلكىسى پوچتا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىگە پائال قاتناشقان. 1958-يىلى كونگو مىللىي ھەرىكەت پارتىيىسىنى قۇرۇپ، دەرھال مۇستەقىللىكنى جاكارلاپ، دېموكراتىك، مۇستەقىل ۋە بىرلىككە كەلگەن دۆلەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ يىلى 1- قېتىملىق ئافرىقىلىقلار خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، قۇرۇلتاي ئومۇمىي ئىشلار كومىتېتى ئەزالىقىغا سايلانغان. 1959-يىلى لېئوپولدۋىل(Leopoldville) خەلقىنىڭ بېلگىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرىشىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. 1960-يىلى 6-ئايدا كونگو جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل بولغاندا، زۇڭلى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. جاھانگىرلار ۋە ب د ت قوشۇنىنىڭ كونگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرغان. چومبې (Moise Tshombe) قاتارلىق مىللىي بۆلگۈنچىلەر گۇرۇھىغا قارشى تۇرغان. جاھانگىرلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئىتتىپاق تۈزمەسلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. شۇ يىلى 9-ئايدا ئامېرىكىنىڭ پىلانلىشى بىلەن زۇڭتۇڭ كاساۋۇبۇ(Joseph Kasavubu) تەرىپىدىن ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلانغان. كېيىن يەنە ب د ت قوشۇنى تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنغان. 1961-يىلى 1-ئايدا كاتانگادا چومبې گۇرۇھى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 

لۇناچارىسكىي

  • لۇناچارىسكىي[يەشمىسى:]Анатолий Васильевич Луначарский،1875— 1933) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ئوبزورچى، يازغۇچى. پولتاۋادىكى چوڭ تۆرە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدىلا ماركسىزمنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان. 1898-يىلى موسكۋادا ئىنقىلابىي پائالىيەتكە قاتناشقان. كېيىنكى يىلى قولغا ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنغان. لېنىن رەھبەرلىكىدىكى «ئالغا»، «پرولېتارلار» ۋە «يېڭى ھايات» گېزىتلىرىنىڭ تەھرىرلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. بولشېۋىكلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە 2-ئىنتېرناتسىئونالنىڭ شتۇتگارت ۋە كوپېنھاگېن (Kobenhavn) قۇرۇلتايلىرىغا قاتناشقان. سىتولپىن ئەكسىيەتچىلىكى دەۋرىدە بولشېۋىكلارغا قارشى «ئالغا» گېزىتى گۇرۇھىغا قاتنىشىپ، ماخچىلىقنى تەرغىپ قىلغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن «رايون بىرلەشمىچىلىرى» گە قاتناشقان، يەنە شۇ گۇرۇھ بىلەن بىللە بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن، ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن سوۋېت روسىيىسى مائارىپ خەلق كومىسسارلىقىنىڭ كومىسسارى بولغان. 1933-يىلى ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. ئەدەبىيات-سەنئەت، مۇزىكا، درامىچىلىققا دائىر كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان. 

لۇندا پادىشاھلىقى

  • لۇندا پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى لۇندا (Lunda) لار قۇرغان دۆلەت. ⅩⅥئەسىردە كاتانكىنى مەركەز قىلغان ھالدا قۇرۇلغان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ⅩⅧ ئەسىرگىچە، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان رايونى ھازىرقى زايىرنىڭ جەنۇبىي قىسمى، زامبىيىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى ۋە ئانگولانىڭ شەرقىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ⅩⅨ ئەسىردە زاۋالغا يۈز تۇتۇشقا باشلىغان. 1909-يىلى بېلگىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان.

لۇنېۋىل شەرتنامىسى

  • لۇنېۋىل شەرتنامىسى[يەشمىسى:] 1801-يىلى فرانسىيە بىلەن ئاۋسترىيە لۇنېۋىلدا ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامە. ئىجرائىي ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ناپولېئون روسىيە بىلەن ئاۋسترىيە ۋە ئەنگلىيىنىڭ زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىككىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقنىڭ ئاساسىي كۈچى —ئاۋسترىيە ئارمىيىسىگە مەركەزلىك زەربە بەرگەن. 1800-يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ناپولېئون مارېنگودا (Marengo، ئىتالىيىنىڭ شىمالىدا) ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنى تارمار قىلغان. 12-ئاينىڭ 2-كۈنى مورو باشچىلىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسى يەنە خوخېنلىندىن (Hohenlinden، جەنۇبىي گېرمانىيە) دا ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان، ئاۋسترىيە سۈلھ تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئىككىنچى يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى جوسېف بوناپارت فرانسىيىگە، كوبېنزل (J.L.J. Cobezl، 1753 — 1809) ئاۋسترىيىگە ۋەكىللىك قىلىپ، فرانسىيىنىڭ لۇنېۋىل (Luneville) دېگەن يېرىدە سۈلھ شەرتنامە ئىمزالىغان. سۈلھ شەرتنامىدە 1797-يىلدىكى «كامپوفورمېئو سۈلھ شەرتنامىسى» مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، بېلگىيە ۋە رېين دەرياسىنىڭ سول قىرغىقى فرانسىيە زېمىنى بولىدىغانلىقى قايتا تەكىتلىنىپ، فرانسىيىنىڭ بېقىندى دۆلەتلىرى —سىسالپىن (Cisalpine)، لىگۇرىيە (Liguria)، ھېلۋېتىس (Helvetis)، باتاۋىيە (Batavia) قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ «مۇستەقىل» بولغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان. بۇ شەرتنامە ئىككىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقنىڭ يىمىرىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

لۇۋەينا

  • لۇۋەينا[يەشمىسى:] يەنى«جۇۋەينالىس».

لۇئى(تەقۋادار)

  • لۇئى(تەقۋادار)[يەشمىسى:]1) (Louis le Piieux،778 — 840)، چارلېس ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (814 — 840)، ئىمپېراتور چارلېسنىڭ ئوغلى. دىنغا قاتتىق ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن، تەقۋادار دەپ نام ئالغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە، پادىشاھ جەمەتىدە دائىم ئىچكى ماجىرا بولۇپ تۇرغان. مىلادى 817-، 829-ۋە 837-يىللىرى دۆلەت زېمىنىنى ئوغۇللىرىغا ئۈچ قېتىم بۆلۈپ بەرگەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئوغۇللىرىدىن لوتائىرېⅠ، لوئى (گېرمان) ۋە چارلېس (تاز) مىلادى 843-يىلى «ۋېردۇن شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، چارلېس ئىمپېرىيىسىنى رەسمىي ھالدا ئۈچكە بۆلۈشۈۋالغان. (2) لوئى (گېرمان) (Ludwig der Deutsche، تەخمىنەن 804 — 876)، شەرقىي فرانك كورۇلى (843 — 876). لوئى (تەقۋادار) نىڭ ئوغلى. 840-يىلى ئۇكىسى چارلېس (تاز) بىلەن بىرلىكتە «ستراسبۇرگ قەسەمنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، ئاكىسى لوتائىرې Ⅰ گە قارشى تۇرغان. 843-يىلى ئۈچ ئاكا-ئۇكا «ۋېردۇن شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، چارلېس ئىمپېرىيىسىنى ئۈچكە بۆلگەن، لوئى (گېرمان) رېين دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى زېمىنگە ئىگە بولۇپ، شەرقىي فرانك كورۇلى دەپ ئاتالغان. 870-يىلى چارلېس (تاز) بىلەن «مېرسېن شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ لوررائىن پادىشاھلىقىنى بۆلۈشۈۋالغان. يەنە ئوبودرىتلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالغان ھەمدە بۈيۈك مولداۋىيە كىنەزلىكىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقان. 

لۇئى بوناپارتنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشى

  • لۇئى بوناپارتنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشى[يەشمىسى:] فرانسىيىدىكى لۇئى بوناپارت ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنى ئاغدۇرۇپ، ئىككىنچى ئىمپېرىيىنى قۇرغان سىياسىي ئۆزگىرىش. 1849-يىل 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېچىلغان قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى يولغا قويغان ئەكسىيەتچىل سىياسەت سىياسىي ئۆزگىرىش ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن. لۇئى بوناپارت ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنى كونترول قىلغاندىن كېيىن، 1851-يىل 12-ئاينىڭ 1 — 2-كۈنلىرى ئەسكەر ئەۋەتىپ بوربون ئوردىسىنى ئىشغال قىلغان ۋە ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرىنى قولغا ئالغان ھەمدە پارلامېنتنى تارقىتىۋەتكەنلىكى، ئومۇم خەلق ئاۋاز بېرىشىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 3 — 4-كۈنلىرى ۋېكتور ھيۇگو باشچىلىقىدىكى سولچى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرغان. 14 — 21-كۈنلىرى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بەرگەن.نەتىجىدە كۆپ ئاۋازنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، سىياسىي ئۆزگىرىشكە قانۇنىي تون ياپقان. 1852-يىل 1-ئاينىڭ 14-كۈنى يېڭى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغان، 12-ئاينىڭ 2-كۈنى لۇئى بوناپارت ئىمپېراتور تاجىنى كىيىپ، ناپولېئون Ⅲ دەپ ئاتىلىپ، ئىككىنچى ئىمپېرىيىنى رەسمىي قۇرغان. فرانسىيىنىڭ 1848-يىل ئىنقىلابى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان. ماركس شۇنىڭ ئۈچۈن «لۇئى. بوناپارتنىڭ تۇمانلىق ئېيىنىڭ ئون سەككىزى» دېگەن ئەسىرىنى يازغان.

لۇئى بوناپارت

  • لۇئى بوناپارت[يەشمىسى:] (1) (Louis Bonaparte، 1778 — 1846)، فرانسىيىلىك ھەربىي، گوللاندىيە كورۇلى (1806 — 1810). ناپولېئوننىڭ ئىككىنچى ئۇكىسى، ناپولېئون Ⅲ نىڭ دادىسى. ياش ۋاقتىدا فرانسىيىنىڭ شالون ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان. ناپولېئونغا ئەگىشىپ 1796 — 1797-يىللاردىكى ئىتالىيە سوقۇشى ۋە 1798 — 1799-يىللاردىكى مىسىر سوقۇشىغا قاتناشقان. 1802-يىلى مەجبۇرىي ھالدا يوسفېننىڭ قىزى ئاۋتانس بۇ ئارىنىي بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. 1804-يىلى جياڭجۈنلىككە كۆتۈرۈلگەن. 1805-يىلى پارىژ شەھەر مۇداپىئەسىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1806-يىلىدىن باشلاپ گوللاندىيىگە كورۇل بولغان. گوللاندىيىنىڭ مىللىي مەنپەئىتىنى قوغداپ، چوڭ قۇرۇقلۇق قامال قىلىش سىستېمىسىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ناپولېئون بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. 1810-يىلى ناپولېئون گوللاندىيىگە قوشۇن ئەۋەتىپ، ئۇنى فرانسىيىگە قوشۇۋەتكەن، لۇئى قېچىپ كەتكەن. ئۇ ئىتالىيىدە ئۇزاق مۇددەت تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاپ، ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. «گوللاندىيە ھۆكۈمىتى توغرىسىدىكى تارىخىي ھۈججەتلەر» دېگەن ئەسىرى، شېئىرلىرى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرى بار. (2) «ناپولېئون Ⅲ» كە قاراڭ. 

لۇئى ناپولېئون

  • لۇئى ناپولېئون[يەشمىسى:] «ناپولېئون Ⅲ».

لۇئى فىلىپ

  • لۇئى فىلىپ[يەشمىسى:] (Louis Philippe، 1773 — 1850)، فرانسىيە كورۇلى (1830 — 1848). ئورلىئان كىنەزى لۇئى فىلىپ يوسېف (فىلىپ باراۋەر) نىڭ ئوغلى، دەسلەپ ۋالوۋا كىنەزى دەپ، كېيىن شاتې كىنەزى دەپ ئاتالغان. 1789-يىلى دادىسىغا ئەگىشىپ ئىنقىلابنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن. 1790-يىلى ياكوبىن كۇلۇبىغا ۋە مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىگە قاتناشقان ھەمدە شىمالىي يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال مايور دەرىجىلىك قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، ۋالمى جېڭى ۋە جېمماپېس (Jemmapes) جېڭى قاتارلىقلارغا قاتناشقان. 1793-يىلى فرانسىيىنىڭ شىمالىي يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى دوموئۇرىئېز بىلەن بىرلىكتە ئاسىيلىق قىلىپ، ئاۋسترىيىگە تەسلىم بولغان، ئۇنىڭ دادىسى دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلغان دەپ ئەيىبلىنىپ، ئىنقىلابىي سوت تەرىپىدىن ئېتىلغان. كېيىن ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ شۋېتسارىيە ۋە ئامېرىكىدا قاچاق بولۇپ تۇرغان. 1800-يىلى ياۋروپاغا قايتىپ كېلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەنگلىيە ۋە سىتسىلىيە ئارىلىدا مۇھاجىر بولۇپ ياشىغان. بوربون سۇلالىسى تىرىلگەندىن كېيىن فرانسىيىگە قايتىپ كېلىپ، بۈيۈك ئىنقىلاب مەزگىلىدە مۇسادىرە قىلىنغان مال-مۈلكى ۋە تۆلەم پۇلىنى ئالغان، ئەمما بوربون پادىشاھ جەمەتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك يارىشىشقا ئامال قىلالمىغان. 1830-يىلى ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن، بۇرژۇئازىيە لىبېراللىرىدىن لافايېتتې قاتارلىقلار ئۇنى يۆلەپ پادىشاھلىق تەختىگە چىقارغان؛ 8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆزگەرتىلگەن ئاساسىي نىزامغا ئاساسەن، فرانسىيىلىكلەرنىڭ كورۇلى دەپ ئېلان قىلىنغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە پارىژ جۇمھۇرىيەتچىلەر قوزغىلىڭىنى، لېئون ئىشچىلىرىنىڭ 1831-يىلى ۋە 1834-يىلدىكى قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرغان؛ بوربون پادىشاھ جەمەتىنىڭ قالدۇقلىرى ۋە لۇئى بوناپارت پىلانلىغان توپىلاڭنى تىنچىتقان. 1848-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇلۇپ، ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. 

لۈيۈنتىڭ

  • لۈيۈنتىڭ[يەشمىسى:] (1886 — 1947) چاۋشيەنلىك ئىنقىلابچى. تەخەللۇسى مېڭ ياڭ. كيوڭگى دودىكى ئوتتۇرا مۈلۈكدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1914-يىلى جۇڭگوغا كېلىپ نەنجىڭ-جىنلىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، كېيىن ئوقۇشتىن چېكىنىپ، شىئېرخې كىتابخانىسىدا خىزمەتچى بولغان. 1918-يىلى «يېڭى چاۋشيەن ياشلار پارتىيىسى» نى تەشكىللىگەن. 1919-يىلى 1-مارت ھەرىكىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ شاڭخەي شەھىرىدە «چاۋشيەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نى ئۇيۇشتۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ۋاقىتلىق پارلامېنت ئەزاسى بولغان. شۇ يىلى 11-ئايدا ياپونىيىگە بېرىپ، سىياسىي ساھەدىكى مۆتىۋەرلەرگە ۋەز ئېيتىپ، چاۋشيەننىڭ مۇستەقىللىكىنى تەلەپ قىلغان، يېڭىلگەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا كەلگەن. 1920-يىلى كورىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، ئىككىنچى يىلى موسكۋاغا بېرىپ يىراق شەرق مىللەتلەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1929-يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقتىن، ئەنگلىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، كېيىن ياپونىيە ئۆتكۈزۈۋېلىپ، چاۋشيەنگە يالاپ كېلىپ ئۈچ يىل ئېغىر ئەمگەككە سالغان. 1933-يىلى «مەركەز گېزىتى» نىڭ باشلىقى بولغان. 1944-يىلى سېئۇلدا چاۋشيەن دۆلەت قۇرۇش ئىتتىپاقىنى مەخپىي تەشكىللىگەن ھەمدە ئۇنىڭ مۇدىرى بولغان. ئىككىنچى يىلى 8-ئايدا ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئىتتىپاقنى چاۋشيەن دۆلەت قۇرۇش تەييارلىق كومىتېتىغا ئۆزگەرتكەن. شۇ يىلى 9-ئايدا چاۋشيەن خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە مۇئاۋىن رەئىس بولغان، ئوڭچىلار ۋە ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ مەغلۇپ بولغان. 12-ئايدا خەلق پارتىيىسىنى تەشكىللەپ، رەئىس بولغان. 1946-يىلى 29 سولچى تەشكىلاتنى بىرلەشتۈرۈپ، دېموكراتىزملىق مىللىي سەپنى ئۇيۇشتۇرغان، يەنە ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ دۈشمەنلىك قىلىشى ۋە لىسىنماننىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى بىلەن مەغلۇپ بولغان. 1947-يىلى لىسىنمان ئەۋەتكەن قاتىل تەرىپىدىن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن. 

لۋوۋ

  • لۋوۋ[يەشمىسى:] (Георгий Евтеньевич Львов، 1861 — 1925) روسىيە بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى (1917). ئەسلى چارروسىيە گېرتسوگى. چوڭ پومېشچىك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، كادېت. 1886-يىلدىن باشلاپ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئىشلىگەن. 1906-يىلى بىرىنچى نۆۋەتلىك دۆلەت دۇماسىنىڭ ۋەكىلى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پۈتۈن روسىيە يەرلىك ئىتتىپاقنىڭ رەئىسى ۋە يەرلىك بىلەن شەھەرلىك ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئىتتىپاقىنىڭ كاتتىباشلىرىدىن بىرى بولۇپ، جېنىنىڭ بارىچە سانائەت كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى نۆۋەتلىك باش مىنىستىرى، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ، ئىيۇل ۋەقەسىنى بەرپا قىلغان. پېتروگراد نامايىشچىلار ئاممىسىنى قىرغان، خەلققە قارشى جاھانگىرلىك سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، فرانسىيىگە قېچىپ بېرىۋېلىپ، سوۋېت روسىيىسىگە قارىتا قوراللىق مۇداخىلە قىلىشنى كۈچىنىڭ بارىچە تەرغىپ قىلغان.

لېبرۇن

  • لېبرۇن[يەشمىسى:] (1) چارلېس-فرانكيوس لېبرۇن (Charles Francois Lebrun، 1739 — 1824). فرانسىيىلىك سىياسىي ئەرباب. ئادۋوكاتلىقتىن چىققان. 1766-يىلى خان جەمەتى تەپتىش ئەمەلدارى بولغان. 1768-يىلى خان جەمەتى يەر مۈلكىنىڭ باش تەپتىشى بولغان. 1771-يىلدىكى ئەدلىيە ئىسلاھاتىغا ياردەملەشكەن. 1789-يىلى ئۈچىنچى تەبىقىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئۈچ تەبىقە يىغىنىغا قاتناشقان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنتقا قاتناشقان. ياكۇبىن دىكتاتۇرىسى دەۋرىدە، مۆتىدىل مەيدان تۇتقانلىقتىن، قاماققا ئېلىنغان، تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدە قويۇپ بېرىلگەن ھەمدە سىناتقا سايلانغان. 1795 — 1799-يىللىرى 500 كىشىلىك پالاتانىڭ ئەزاسى بولغان. تۇمانلىق ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، ناپولېئون تەرىپىدىن مۇنارخىستلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئۈچىنچى ئىجرائىيە ھاكىمىيەتكە سايلانغان. 1804-يىلى شاھزادە دەپ نام بېرىلگەن ھەمدە ئىمپېرىيە خەزىنە باشقۇرغۇچىسى بولغان. 1808-يىلى پلايىسانىس كىنەزى دەپ نام بېرىلگەن. 1810 — 1813- يىللىرى گوللاندىيە باش ۋالىيسى بولغان. 1814-يىلى بوربون سۇلالىسى تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن فرانسىيە ئاقسۆڭىكى بولغان. 100 كۈنلۈك سۇلالە ۋاقتىدا پارىژ داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغان، شۇڭا بوربون سۇلالىسى ئىككىنچى قېتىم تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن بىر مەھەل ئاقسۆڭەكلىك نامدىن مەھرۇم بولغان، 1819-يىلى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. (2) ئالبېرت لېبرۇن (Albert Lebrun، 1871 — 1950). فرانسىيە زۇڭتۇڭى (1932 — 1940). دەسلەپكى ۋاقىتلاردا كان ئىنژېنېرى بولغان. 1900-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان، 1920-يىلىدىن باشلاپ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان، 1931 — 1932-يىللىرى پارلامېنت باشلىقى بولغان. 1911 — 1913-يىللىرى ۋە 1913 — 1914-يىللىرى مۇستەملىكىلەر مىنىستىرى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. 1932-يىلى 5-ئايدا دۇمېر ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن جۇمھۇرىيەتنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان. سىياسىي جەھەتتە ئىزچىل تۈردە خەلق سېپىگە قارشى تۇرغان، فاشىستلارنى قانات ئاستىغا ئالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرانسىيە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن 1940-يىلى 7-ئايدا خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن، كېيىن سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان. 1943-يىلى قولغا ئېلىنىپ، 1944-يىلى ئىتتىپاقداش ئارمىيە تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن. «گۇۋاھلىق» دېگەن ئەسلىمىسى بار. 

لېبكنېخت

  • لېبكنېخت[يەشمىسى:] (1) ۋېلھېلم لېبكنېخت (Wilhelm Liebknecht، 0091 - 6281) گېرمانىيە ۋە خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەربابى. گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. گېسېندىكى بىر زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. گېسېن ۋە بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىئولوگىيە، پەلسەپە ۋە تىلشۇناسلىقتا ئوقۇغان. 9481 - 8481-يىللىرىدىكى گېرمانىيە ئىنقىلابىغا پائال ئاتلانغان. 1848-يىلدىكى سېنتەبر بادىن قوزغىلىڭى ۋە 1849-يىل 5-ئايدىكى ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى ھىمايە قىلىش كۈرىشىگە قاتناشقان. 1681 - 0581-يىللىرى ئەنگلىيىدە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن مەزگىلدە ماركس بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىپ كەلگەن. 1862-يىلى بېرلىنغا قايتىپ، «شىمالىي گېرمانىيە گېزىتى» نىڭ تەھرىرى بولغان. ئۇ، مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، گېرمانىيىدە ئىلمىي سوتسىيالىزمنى تەشۋىق قىلغان. 1869-يىلى 8-ئايدا بېبېل قاتارلىق كىشىلەر بىلەن سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى (ئېيزىناخچىلار) نى قۇرغان. پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئىنتېرناتسىئونال مەۋقەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارىژ كوممۇنىسىنى قىزغىن قوللىغان. كېيىن پارتىيىنىڭ ئورگان گېزىتى — «خەلق دۆلىتى گېزىتى» نىڭ باش تەھرىرى بولغان. 1872-يىلى ئىلزاس، لوررېننى قوشۇۋېلىشقا قارشى چىققانلىقى تۈپەيلىدىن «ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلدى» ۋە «كورۇلغا ئاھانەت قىلدى» دەپ ئەيىبلىنىپ، ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1875-يىلى ئېيزىناخچىلار بىلەن لاسسالچىلار بىرلىشىپ گېرمانىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى بولۇپ قۇرۇلغاندا، لاسسالچىلار بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، پارتىيىنىڭ يېڭى پروگراممىسى — گوتا پروگراممىسىدا، لاسسالچىلارنىڭ نۇرغۇن ئاغمىچىلىق نۇقتىئىنەزەرلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقتىن، ماركس-ئېنگېلس تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنغان. 8781 - 6781-يىللىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئورگان گېزىتى»، «ئالغا گېزىتى»نىڭ باش تەھرىرى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە لاسسالچىلارغا قەتئىي قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1878-يىلى «سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قىيىن شارائىت ئاستىدا بېبېل قاتارلىق كىشىلەر بىلەن پارتىيىنىڭ يەر ئاستى تەشكىلاتىنى قۇرغان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەخپىي ئورگان گېزىتى — «سوتسىيال-دېموكراتلار» نىڭ باش تەھرىرى بولۇپ، پارتىيىنىڭ تەشۋىقات-تەرغىبات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. «پەۋقۇلئاددە قانۇن» بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، 1890-ۋە 1891-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، پارتىيىنىڭ ھاللې ۋە ئېرفۇرت قۇرۇلتىيىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، پارتىيىنىڭ يېڭى پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى ماركسىزملىق مەۋقە ۋە نۇقتىئىنەزەرىگە ئىگە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتىدا پارتىيىنىڭ خەلقئارالىق ئالاقىلىشىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. 1889-يىلى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرۇشقا قاتناشقان. ئۇ، گېرمانىيە پرولېتارىياتىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتى بىلەن شىمالىي گېرمانىيە فېدېراتسىيىسى پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى(1870 — 1876)، گېرمانىيە ئىمپېرىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى (0091 - 4781) بولۇپ سايلانغان، پارلامېنت مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسىتى ۋە گېرمانىيە مىلىتارىزمىغا قارشى ئۇزۇن مۇددەت بوشاشماي كۈرەش ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى «مىلىتارىزمغا ۋە يېڭى باج ئېلىشقا قارشى تۇرايلى»، «فرانسىيە ئىنقىلابى تارىخى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. (2) كارل لېب-گنېخت (Karl August Ferdinand Liebknecht، 1871 — 1919). گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال سول قانات داھىيلىرىدىن بىرى. گېرمانىيە كومپارتىيىسىگە ئاساس سالغۇچىلاردىن بىرى. ۋېلھېلم لېبكنېختنىڭ ئوغلى. ئادۋوكات. ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىلا سوتسىيالىستىك ھەرىكەتكە قاتناشقان. 1900-يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1907-يىلى سوتسىيالىزمچى ياشلار تەشكىلاتى خەلقئارا بىرلەشمىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. شۇ يىلى «مىلىتارىزم ۋە مىلىتارىزمغا قارشى تۇرۇش» ناملىق كىتابنى نەشىر قىلدۇرغانلىقى تۈپەيلىدىن تۈرمىگە تاشلانغان. 1908-، 1912-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پرۇسسىيە پارلامېنتى ۋە گېرمانىيە ئىمپېرىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. پارلامېنت مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ مىلتارىزمغا قارشى پائال كۈرەش ئېلىپ بارغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، 1914-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى پارتىيە ئۆمىكىنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى قارارىغا قارىماستىن، پارلامېنتتا بىر ئاۋاز بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي خىراجەت خام چوتىغا قارشى چىققان. 1916-يىلى 1-ئايدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى قوزغىغان جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى چىققانلىقى تۈپەيلىدىن، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رېخىسىتاگدىكى پارتىيە ئۆمىكىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا سول قانات رەھبەرلەر بىلەن سپارتاكچىلارنى تەشكىل قىلغان. شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، بېرلىندا ئۇرۇشقا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىدىكى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرغانلىقتىن، ھەربىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۆت يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. 1918-يىلى 10-ئايدا ئىنقىلابىي ئاممىنىڭ بېسىمى ئاستىدا قويۇپ بېرىلگەن. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ھەمدە گېرمانىيە كومپارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتىگە قاتناشقان. 1919-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئوڭچى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ليۇكسېمبۇرگ بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگەن. 

لېبېدېۋ

  • لېبېدېۋ[يەشمىسى:] (Пётр Николаевич Лебедев، 2191 - 6681) روسىيىلىك فىزىك. سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1891-يىلدىن باشلاپ موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1900-يىلى پروفېسسور بولغان. 1911-يىلى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، پروفېسسورلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئۆمۈربويى فىزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيىتى نۇرنىڭ قاتتىق جىسىم ۋە گازغا بولغان بېسىمىنى تاپقانلىقى ۋە ئۆلچەپ چىققانلىقى ھەمدە نۇرنىڭ ماددىنىڭ بىر خىل ھالىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ بىلەن ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىدا ئېنېرگىيە، ئىمپۇلس ۋە ماسسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئۇنىڭ پەن تەتقىقات مۇۋەپپەقىيىتى روسىيە فىزىكىسىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

لېپانتو دېڭىز ئۇرۇشى

  • لېپانتو دېڭىز ئۇرۇشى[يەشمىسى:] 3751 - 0751-يىللىرىدىكى ۋېنېتسىيە بىلەن تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى بىر قېتىملىق دېڭىز ئۇرۇشى. 1571-يىلى 8-ئايدا تۈركىيە ۋېنېتسىيىگە تەۋە بولغان سىپرۇس ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1571-يىلى 10-ئايدا گرېتسىيىدىكى كورىنتوس قولتۇقىنى بوغۇپ تۇرغان لېپانتو Lepanto، ھازىرقى نامى Navpaktos) ئەتراپىدا ئىككى تەرەپ دېڭىز ئۇرۇشى قىلغان. تۈركىيە 275 پاراخوتنى جەڭگە سالغان، ئەلى پاشا (Ali Pasha) قوماندانلىق قىلغان؛ ئىسپانىيە ۋېنېتسىيىنى قوللاپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. ئىسپانىيە-ۋېنېتسىيە بىرلەشمە فلوتىدا ئاران 217 پاراخوت بولۇپ، دون جۇئان (Don Juan de Austria، 8751 - 7451) قوماندانلىق قىلغان. نەتىجىدە تۈركىيە مەغلۇپ بولۇپ، 224 پاراخوت چىقىم بولغان، ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەردىن 40 مىڭ كىشى ئۆلگەن ۋە ئەسىر ئېلىنغان. تۈركىيىنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى ئاجىزلاشقان بولسىمۇ، لېكىن 1573-يىلى 3-ئايدا ئىمزالانغان سۈلھ شەرتنامىسى بويىچە يەنىلا سىپرۇس ئارىلىغا ئىگە بولغان. 

لېپىدۇس

  • لېپىدۇس[يەشمىسى:] (Marcus Aemilius Lepidus مىلادىدىن ئىلگىرى؟31 -) قەدىمكى رىم باش قوماندانى. كائېسارنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردىسى. شەھەر باش سوتچىسى (مىلادىدىن 49 يىل ئىلگىرى)، ئىسپانىيە باش ۋالىيسى (مىلادىدىن 48 يىل ئىلگىرى)، كونسۇل (مىلادىدىن 46 يىل ئىلگىرى) ۋە كائېسار ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانى (مىلادىدىن 45 يىل ئىلگىرى) بولغان. كائېسار قەتىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئانتوننىڭ كائېسار ئۈچۈن «قىساس ئېلىش» ىغا ياردەم بېرىپ، رىمنى تېرورلۇق ئىچىدە قالدۇرغان. مىلادىدىن 43 يىل ئىلگىرى ئانتونى، ئوكتاۋىئان بىلەن كېيىنكى «ئۈچلەر» ئىتتىپاقىنى تۈزگەن. فىلىپ جېڭى (مىلادىدىن 42 يىل ئىلگىرى) دىن كېيىن، ئافرىقا ئۆلكىسىنى باشقۇرۇپ كەلگەن. ئوكتاۋىئان بىلەن چىقىشالمىغاچقا، مىلادىدىن 36 يىل ئىلگىرى ئوكتاۋىئان ئۇنى ھەربىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ ئۇنىڭ پەقەت «باش كاھىن» لىق ئۇنۋانىلا ساقلاپ قالغان. كېيىن لاتىنئۇم قىرغىقىدىكى بىر كىچىك شەھەرگە چېكىنىپ بېرىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ يەردە تۇرغان. 

لېپتىس ماگنا

  • لېپتىس ماگنا[يەشمىسى:]Leptis Magna) شىمالىي ئافرىقىدىكى قەدىمكى شەھەر. لىۋىيىنىڭ ترىپولى شەھىرىنىڭ شەرقىغە 100 كىلومېتر كېلىدىغان ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ بويىدا. مىلادىدىن 1000 يىل ئىگىرى فىنىكىيىنىڭ سودا تۈگۈنى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن. سېۋېرۇس (Severus) تەختتىكى مەزگىل (112 - 391) دە تازا گۈللەنگەن، مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ خارابلاشقان. 1921-يىلى قېزىلغان. ياسالغان ۋاقتى ئېنىق بولغان قۇرۇلۇشلاردىن ئاۋگۇست ئىبادەتخانىسى (14 - 19)، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئىبادەتخانا (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ — مىلادىدىن كېيىنكى Ⅱ)، بازار (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ)، تىياتىرخانا (مىلادىدىن بىرىنچى يىلى) قاتارلىقلار بار. Ⅰ ئەسىردىكى قۇرۇلۇشلار يۇنانلاشتۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، شۇ يەرنىڭ ھاك تېشى ئىشلىتىلگەن. سېۋېرۇس كونا قۇرۇلۇشلارنى مەرمەر تاش تاختىلار بىلەن ياپقان ھەمدە يېڭى قۇرۇلۇش، يېڭى يوللارنى ياسىغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە يۇمىلاق سېرىك مەيدانى، كىچىك ئىبادەتخانا، كارىدورلۇق چوڭ يول، زەپەر دەرۋازىسى قاتارلىقلار بار. كىچىك سۇ ئۈزۈش مەيدانىدا تېخى قىممەتلىك سىزما رەسىم — «شىكار» ساقلىنىپ قالغان. 

لېتۋا كىنەزلىكى

  • لېتۋا كىنەزلىكى[يەشمىسى:] لىتۋادا ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان فېئوداللىق دۆلەت. لىتۋادا Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن ⅩⅡ ئەسىرگىچە فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى پەيدىنپەي تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىندۋوگ (Миндвог،1230-1230 يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ھەرقايسى قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈشكە باشلاپ، تۇنجى لىتۋا كىنەزلىكىنى قۇرغان. ⅩⅣ ئەسىردە كىنەز گېدىن Γедимин، 1431 - 6131-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ۋە ئۇنىڭ ئوغلى كىنەز ئولگېرد (Ольгерд، 7731 - 5431-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) لارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە كىنەزلىك قۇدرەت تاپقان، كىيېۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل دىنپىر ۋادىسىنى قوشۇۋالغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە يەنە سىمولېنىسكى كىنەزلىكىنى قوشۇۋېلىپ، قۇدرەتلىك لىتۋا كىنەزلىكىنى قۇرغان. كىنەزلىكنىڭ پايتەختى ۋىلنۇس (Вильнюс). 1385-يىلى پولشا بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىشىپ، تيوتون رىتسارلار پولكىنىڭ تاجاۋۇزىغا بىرلىكتە قارشى تۇرغان ھەمدە بېلورۇسىيە ۋە ئوكرائىناغا قاراپ كېڭەيگەن، كىنەز ۋىتوۋتو (Витовто) تەختتە ئولتۇرغان دەۋردە (0341 - 2931) ھاكىمىيەت بىرلىككە كەلگەن. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە Ⅹ Ⅵئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا موسكۋا كىنەزلىكى بىلەن كۆپ قېتىملاپ ئۇرۇشۇپ، چىرىنگوۋ، سىمولېنىسكى قاتارلىق يەرلەرنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان. 1569-يىلى پولشا بىلەن لۇبلىن شەھىرىدە چاقىرىلغان پارلامېنتتا يېڭىدىن ئىتتىپاق شەرتنامىسى تۈزگەن، بۇ تارىختا «لۇبلىن ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ئىككى مەملىكەت رەسمىي بىرلىشىپ، پولشا-لىتۋا پادىشاھلىقى قۇرۇلۇپ، شەرقىي ياۋروپادىكى كۆپ مىللەتلىك چوڭ فېئودال دۆلەت بولۇپ قالغان. 

لېتۋېتوندارا

  • لېتۋېتوندارا[يەشمىسى:] (Letwethondara، 1727-1824). بىرما يىڭجيا سۇلالىسىدە ئۆتكەن قانۇنشۇناس، ئەدىب. پادىشاھ يىڭجىياغا ۋەزىر بولغان، بوگۇ قاتارلىق جەڭلەرگە قاتناشقان. 1763-يىلى جېشا ناھىيىسىدىكى مېزا (Meza) تېغىغا سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇ يەردە ئاتاقلىق «مېزادىكى سېغىنىش» دېگەن شېئىرنى يازغاندىن كېيىن، پادىشاھ تەرىپىدىن ئەپۇ قىلىنىپ، قايتۇرۇپ كېلىنگەن. كېيىن ئىزچىل ھالدا باش سودىيىلىكنى ئۆتىگەن. ئەسەرلىرىدىن «ۋېنىزايىپو جاتانى قانۇنى» قاتارلىقلار بار. 

لېخېستات كېلىشىمى

  • لېخېستات كېلىشىمى[يەشمىسى:] 1876-يىلى روسىيە بىلەن ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ئىمزالالىغان مەخپىي كېلىشىم. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بالقان كرىزىسى داۋامىدا، روسىيە تۈركىيىگە قارىتا ئۇرۇش قوزغاشقا ئۇرۇنغان. ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ماقۇللۇقى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، 1876-يىلى 7-ئايدا، چار پادىشاھ ئالېكساندرⅡ بىلەن ئاۋسترىيە كورۇلى فرانىس جوسېف Ⅰ بوھېمىيىدىكى لېخېستات قەلئەسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۇلار مۇبادا روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى بولۇپ قالسا، ئاۋسترىيىنىڭ تۈركىيىگە تەۋە ھولۋادىيە ۋە ئۇنىڭغا چېگرىداش بولغان بوسنىيە چېگرا رايونىغا ئىگە بولۇش بەدىلىگە، روسىيىگە قارىتا دوستانە بىتەرەپ تۇرۇشنى بەلگىلىگەن. ئاۋسترىيە روسىيىنىڭ 1856-يىلى بۆلۈۋېلىنغان بېسارابېينىڭ غەربىي جەنۇبىنى يېڭىباشتىن ئىشغال قىلىۋېلىشىغا ماقۇل بولغان. سۆھبەتتە كېلىشىم ئىمزالانمىغانلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىرى ئۆز خاتىرىسىنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن، سۆزلەردە نۇرغۇن پەرق بولغان ۋە ھەرخىل چۈشەندۈرۈلگەن، بۇ ھال كېيىنكى ۋاقىتلاردا روسىيە، ئاۋسترىيىنىڭ بالقاندىكى توقۇنۇشىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان. 

لېدرۇ-روللىن

  • لېدرۇ-روللىن[يەشمىسى:] (Alexandre Auguste Ledro Rollin، 1807 — 1874)، فرانسىيىنىڭ ئۇششاق بۇرژۇئازىيە دېموكراتىزمچىسى. ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. جۇمھۇرىيەتچىلەرنى ئاقلاش بىلەن نام چىقارغان. « سوت كۈندىلىك تەزكىرىسى»، «فرانسىيە سوتىدا ھۆكۈم چىقىرىلغان دېلو مىساللىرىنىڭ ئومۇمىي توپلىمى» قاتارلىق زور ھەجىملىك ئەسەرلەرنى يازغان. 1839-يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە بلانكى بىلەن بىرلىكتە «ئىسلاھات گېزىتى» نى چىقارغان. 1848-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. شۇ يىلى 12-ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا لۇئى بوناپارت بىلەن رىقابەتلىشىپ، مەغلۇپ بولغان. 1849-يىلى 5-ئايدا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىغا سايلىنىپ، يېڭى تاغلىقلار گۇرۇھىغا رەھبەرلىك قىلىپ، زۇڭتۇڭنىڭ سىياسەتلىرىنى سۆككەن. 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشقا رەھبەرلىك قىلىپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. ئەنگلىيىدە تۇرغان 20 يىل ئىچىدە، ماززېنى ۋە كوسسۇت قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا ئىنقىلابىي كومىتېتىنى تەشكىللەپ، ئىنقىلابنى تەشۋىق قىلىدىغان نۇرغۇن براشورالارنى يازغان. 1870-يىلىدىكى ئومۇمىي كەچۈرۈمدە دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن. ئىككىنچى يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان، ئەمما دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا مىللىي پارلامېنتقا قاتنىشىشنى رەت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي پائالىيەتنى ئاساسىي جەھەتتىن توختاتقان. «سىياسىي نۇتۇقلار ۋە ئەسەرلەر توپلىمى» دېگەن ئەسىرى بار. 

لېرمونتوۋ

  • لېرمونتوۋ[يەشمىسى:] (Михаил Юрьевич Лермонтов، 1481 - 4181) روسىيىلىك شائىر. ھەربىي سەپتىن قايتقان ئوفىتسېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىدىلا شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. موسكۋا داشۆسىگە كىرگەندىن كېيىن، بېلىنىسكى ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان؛ 1832-يىلى ئەكسىيەتچى پروفېسسورلارغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن چىقىرىلغان. شۇ يىلى پېتېربۇرگ ئوفىتسېرلار مەكتىپىگە كىرگەن. ئىككى يىلدىن كېيىن گۋاردىيە ئاتلىق پولكىنىڭ ئوفىتسېرى بولغان. 1837-يىلى پوشكىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن «شائىرنىڭ ئۆلۈمى» دېگەن شېئىرنى يېزىپ، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ سۇيىقەستى ۋە جىنايىتىنى پاش قىلغانلىقتىن قولغا ئېلىنغان ھەم سۈرگۈن قىلىنغان. 1840-يىلى يەنە بىر قېتىم سۈرگۈن قىلىنغان، ياندۇرقى يىلى سۇيىقەستلىك دۇئېلدا ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇ ھاياتىدا تۆت يۈز پارچىدىن ئارتۇق شېئىر يازغان، شۇنداقلا داستان، رومان ۋە دراما يازغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى ئىچىدە شېئىرلاردىن «يەلكەن»، «بورودىنو»، «ۋەتەن»، «ئالۋاستى»، «بالا راھىب»، «سودىگەر كاراشىنكوۋ ناخشىلىرى» قاتارلىق شېئىرلىرى، «زامانىمىزنىڭ قەھرىمانى»، «ۋادىم» قاتارلىق رومانلىرى ۋە «نىقابلىق تانسا» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى بار. 

لې ساپېلىئېر قانۇنى

  • لې ساپېلىئېر قانۇنى[يەشمىسى:] فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىي مەزگىلىدە، ئىشچىلارنىڭ تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇشى ۋە ئىش تاشلىشىنى مەنئى قىلىش توغرىسىدا ماقۇللانغان قانۇن. تەكلىپ بېرىپ دوكلات بەرگۈچى لې ساپېلىئېر (leIsaacchapelier، 4971 - 4571) بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1791-يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنت ماقۇللىغان. ئۇنىڭدا ئوخشاش ئىجتىمائىي ئورۇن ياكى ئوخشاش كەسىپتىكى پۇقرالارنىڭ ھەرقانداق باھانە-سەۋەب ئاستىدا كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى مەنئى قىلىنىدىغانلىقى؛ كارخانا ئىگىلىرى، سودىگەر، ئۇستا ۋە شاگىرتلارنىڭ توپلانغان چاغدا جامائەت خادىملىرىنى سايلىشى ياكى ئورتاق مەنپەئەت ئۈچۈن قارار چىقىرىشى ۋە پروگرامما تۈزۈشىگە بولمايدىغانلىقى؛ خىزمەتتىن ئورتاق باش تارتىش مەقسەت قىلىنغان ياكى ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەرقانداق بەلگىلىمە ۋە كېلىشىملەرنىڭ ھەممىسى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ، ئەركىنلىك ۋە «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» غا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق دەپ ئېلان قىلىنىدىغانلىقى؛ بارلىق باش جىنايەتچىلەر ۋە كۈشكۈرتكۈچىلەر سوراق قىلىنىپ، ئۇلارغا 500 لېفىر پۇل جەرىمانە قويۇلۇپ، ئاكتىپ پۇقرالىق ھوقۇقى بىر يىل ئېلىپ تاشلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن لايىھىسىدە نامدا كارخانا خوجايىنلىرىنىڭ تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇشى ئوخشاشلا مەنئى قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ يىغىلىشىغا يول قويۇشتەك قوشۇمچە شەرت بولغان، 1884-يىلغا كەلگەندىلا، بۇ قانۇن لايىھىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 

لېساژ

  • لېساژ[يەشمىسى:]Alain Rene Lesage، 7471 - 8661) فرانسىيىلىك يازغۇچى ۋە دراماتورگ. برىتانىيىدە تۇغۇلغان. يېتىم بالا. ئىيېزۇئىتلار مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1692-يىلى پارىژغا بېرىپ قانۇن ئۆگەنگەن. ئادۋوكات ۋە باج ئىدارىسى خىزمەتچىسى بولغان، كېيىن يېزىقچىلىققا كىرىشكەن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كومېدىيە ۋە رومان يازغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى لۇئى ⅩⅣ ۋە لۇئى Ⅹ Ⅴ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىكى فېئوداللىق تۈزۈم كۈندىن-كۈنگە يىمىرىلىۋاتقان، كاپىتالىستىك مۇناسىۋەت ئاستا-ئاستا شەكىللىنىۋاتقان ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئېچىپ بەرگەن بولۇپ، رېئالىزملىق ۋە ئاقارتىش ئەدەبىياتى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. فرانسىيىنىڭ ⅩⅧ ئەسىردىكى ئەدەبىياتىغا خېلى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنداقلا غەربىي ياۋروپادىكى رېئالىزملىق رومان ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى بېيىتقان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى ئىچىدە كومېدىيىدىن «دۇكارې»، روماندىن «جىر بولاس» قاتارلىقلار بار. 

لېسبوس

  • لېسبوس[يەشمىسى:] (Lesbos) ئېگېي دېڭىزىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى چوڭ ئارال. يەر مەيدانى 1630 كۋادرات كىلومېتر. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئېئولىس (Aeolis) قا يېقىن. زېمىنىدا تاغلىرى تەرەپ-تەرەپكە سوزۇلغان، پەقەت شىمالدىكى مېتيمنا (Methymna) ئەتراپنىڭلا تۇپرىقى مۇنبەت بولۇپ، بۇ يەردىن مايلىق دان، ئاشلىق كۆپ چىقىدۇ. يىراق قەدىمكى زاماندىكى ئاھالىسى پېلاسگېلار (Pelasgians) بولۇپ، كېيىن ئېئولىسلار كۆچۈپ كېلىپ، ئېرېسۇ (Eresus)، ئانتىسا (ئاساسەن غەربىي قىسمىدا)، پىررا (ئوتتۇرا قىسمىدا) شەھەرلىرىنى قۇرۇپ چىققان، بولۇپمۇ شەرق قىسمىدىكى ميتىلېنې بەكمۇ مەشھۇر بولغان. ئارال ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئېئولىسلار شىمالىدىكى ترويا (Troas) بويلىرىدا مۇستەملىكە پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتكەن. قەدىمكى يۇناندا لېسبوس ئارىلى بىر تۈركۈم ئالىم ۋە ئەدىبلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى بىلەن ئېتىبارغا ئېلىنغان، ئالايلۇق، شائىر ئاكاجىئو، ئارېئون، تارىخشۇناس تېئوفونى، پەيلاسوپ تېئوپراستوس قاتارلىقلار. مىترىدات ئۇرۇشىدىن كېيىن (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى) رىمغا تەۋە بولغان. 

لېسسېپىس

  • لېسسېپىس[يەشمىسى:] (Ferdinand Marie Lesseps، 4981 - 5081)، فرانسىيى-لىك دىپلومات، ئىنژېنېر، دىپلومات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1825-يىلى دىپلوماتىيە ساھەسىگە كىرىپ، مۇئاۋىن كونسۇل، كونسۇل، باش كونسۇل قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 9481 - 8481-يىللاردا ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1849-يىلى تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچى ئۇنۋانى بىلەن رىمغا بېرىپ، فرانسىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىگە ۋەكالىتەن رىم جۇمھۇرىيىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، سىياسىي قۇربانلىق بولغانلىقىغا غەزەپلىنىپ، دىپلوماتىيە ساھەسىدىن چېكىنىپ چىققان. 1854-يىلى مىسىرنىڭ باش ۋالىيسى سەئىد پاشا (Said pasha) بىلەن توختام تۈزۈپ، سۇۋەيش قانىلىنى قېزىش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، قانالنى 99 يىللىق ئىجارىگە ئالغان. 1858-يىلى قانال شىركىتىنى قۇرۇپ، 1859-يىلى قېزىشنى باشلىغان، 1869-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى قانالدا رەسمىي قاتناش باشلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامى چىقىپ، فرانسىيىنىڭ مىللىي قەھرىمانى دەپ ئاتالغان. 1879-يىلى پاناما قانال شىركىتىنىڭ باشقارما رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1881-يىلى ئىش باشلانغان، مەبلەغ يېتىشمىگەنلىكتىن قانالنى قېزىش 1888-يىلى توختاپ قېلىپ، شىركەتنىڭ سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئاتاقلىق «پاناما رەسۋاچىلىقى» مەيدانغا چىققان. ئۇ پۇل-دۇنيانى يۇتۇۋالغان دەپ ئەيىبلىنىپ، بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئەمما ئالىي سوت خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان دەپ قاراپ، ھۆكۈمنى بىكار قىلغان. 

لېسسىڭ

  • لېسسىڭ[يەشمىسى:] (Gotthold Ephraim Lessing، 1871 - 9271) گېرمانىيىنىڭ مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى دەۋرىدىكى مۇت-ەپەككۇر، دراماتورگ، ئەدەبىي تەنقىدچىسى. نامرات پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1746-يىلى لېيپسىگ داشۆسىگە كىرىپ پەلسەپە ۋە تىلشۇناسلىقنى ئۆگەنگەن ھەمدە دراما ساھەسىدىكىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ياندۇرقى يىلى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇشتىن قېلىپ، بېرلىندا ئاخبارات ۋە تىياتىر ئوبزورچىلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەن ھەمدە «ساللا سامسون خانىم» دېگەن تراگېدىيىنى يېزىپ، شەھەر ئاھالىسى تەبىقىسىنىڭ ئاجىزلىقىنى پاش قىلىپ، مەملىكەت بويىچە داڭق چىقارغان. 1759-يىلدىن باشلاپ كلاسسىك پەلسەپىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان، كېيىن «لائوكون، سۈرەت بىلەن شېئىرنىڭ چېكى توغرىسىدا» دېگەن مەشھۇر ئەسەرنى يېزىپ، گېرمانىيە رېئالىزملىق ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسىنى سالغان؛ «مىننافېن بارخام» دېگەن كومېدىيىسىدە پرۇسسىيە مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى مەسخىرە قىلغان. 1767-يىلى ھامبۇرگ «مىللىي تىياتىرى» نىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە تىياتىر ئوبزورچىسى بولۇپ، «ھامبۇرگ تىياتىرىغا باھا» نى يازغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە «ئامېلىئا گاللودى» دېگەن تراگېدىيىسىنى ئىجاد قىلىپ، گېرمانىيە فېئوداللىرى، زالىم كوروللىرىنىڭ ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇشىنى تولۇق ئېچىپ تاشلىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا نامراتلىق، كېسەل ئازابىنى تارتىپ تۇرۇپمۇ «زېرەك ناتېين» دېگەن داڭلىق شېئىرىي درامىنى يېزىپ، لۇتېر ئەنئەنىۋى مەزھىپىنىڭ تار دىنىي بىر تەرەپلىمە قارىشىنى تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇرژۇئا دېموكراتىزملىق روھى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، پرۇسسىيە مۇستەبىت تۈزۈمى ئاستىدىكى رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئۆتكۈر، كەسكىن مەسخىرە قىلىنغان ۋە تەنقىد قىلىنغان، ئوردا ئاقسۆڭەكلىرى ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى ۋە فرانسىيە كلاسسىك ئەدەبىياتىغا قارىغۇلارچە چوقۇنۇش خاھىشى تازىلانغان. گېرمان مىللىتىنىڭ رېئالىزملىق ئەدەبىياتى ۋە دراممىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن نەزەرىيىۋى ئاساس ئورنىتىلغان. 

لېكوك

  • لېكوك[يەشمىسى:] (Albert Von Le Coq، 0391 - 0681) فون. لېكوك گېرمانىيىلىك ئارخېئولوگ. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا رۇسام بىلەن تۈركىيىدە سامائاردىكى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئىشىغا قاتناشقان. 1900-يىلى بېرلىندىكى خەلق ئۆرپ-ئادىتى مۇزېيىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، ئەرەب تىلى، پارس تىلى ۋە تۈرك تىلى قاتارلىق تىللارنى ئۆگەنگەن، 1925-يىلىدىن باشلاپ مۇشۇ مۇزېينىڭ شەرق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1902-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم (1902 — 1903، 5091 - 4091، 7091 - 5091، 1913 - 1914) جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىغا كېلىپ مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئېلىپ كەتكەن. كۇچا، تۇمشۇق رايونلىرىدىكى مىڭ ئۆيدىن نۇرغۇنلىغان تام سۈرەتلىرى، نەقىش، قول يازما ۋە ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە مانى دىنىغا ئائىت تام سۈرەتلىرى ۋە قول يازمىلىرى ئىنتايىن قىممەتلىك. ئۇنىڭ «ئىدىقۇت»، «مەركىزىي ئاسىيادىكى قېزىلمىلار خاتىرىسى» دېگەنگە ئوخشاش ئەسەرلىرى بار. 

لېكلېر

  • لېكلېر[يەشمىسى:] (Theophile Leclerc، - 1771؟) فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ئەسەبىيلەر ئەربابى. 3971 - 0971-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فرانسىيە تەۋەسىدىكى مارتىنىك ئارىلى ۋە لېئوندا ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە قاتقاشقان. شۇنداقلا پارىژدا 1793-يىل 5-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋە 6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى قوزغىلاڭغا قاتناشقان. مارات ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، «خەلق دوستلىرى» ژۇرنىلى نامىدا گېزىت تارقىتىپ، «سودا ئاقسۆڭەكلىرى» گە قاتتىق ھۇجۇم قىلغان، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى سودىسىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان، گۇمانلىق جىنايەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنى قولغا ئېلىشنى، ئىنقىلابىي تېررورلۇق يۈرگۈزۈش ۋەھاكازالارنى تەلەپ قىلغان. 1794-يىلى ئەتىيازدا تۈرمىگە ئېلىنغان. كېيىن ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن. 

لېكى

  • لېكى[يەشمىسى:] (William Edward Hartpole Lecky، 3091 - 8381) ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس. دەسلەپ دۇبلىن (Dublin) داشۆسى چېرتنام شۆيۈەنى ۋە 1-مارت شۆيۈەنىدە ئوقۇغان، 1863-يىلى ئەدەبىيات بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋان ئالغان. 1895-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولغان، 1897-يىلى مۇھىم ئىشلار پالاتاسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1902-يىلى ئەنگلىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. سىياسىي جەھەتتە ئەركىنچىلىك قارىشىدا بولۇپ، مۈلۈكدارلار سىنىپى سايلاپ چىققان پارلامېنت كونترول قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، ئىمتىيازنى كېڭەيتىشكە قارشى تۇرغان. ئېرلاندىيىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى قوللىغان، لېكىن ئېرلاندىيىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇشنى قۇۋۋەتلىمىگەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېردىكى ئەسىرى «ⅩⅧ ئەسىردىكى ئەنگلىيە تارىخى» جەمئىي سەككىز توم بولۇپ، مەزمۇنى مول، تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە. ئۇ يەنە «ياۋروپادىكى ئەقلىيچىلىك روھىنىڭ ئەۋج ئېلىش ۋە تەسىر كۆرسىتىش تارىخى»، ئىككى توم، «ئاۋگۇستۇستىن چارلېمانغىچە بولغان دەۋردىكى ياۋروپا ئېتىكا تارىخى» قاتارلىقلارنى يازغان. 

لېگنانو جېڭى

  • لېگنانو جېڭى[يەشمىسى:] 1176-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى لېگنانو (Legnano، مىلاننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان) دا يۈز بەرگەن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى فرې-درىخⅠ (قىزىل ساقال) بىلەن لومباردىيە ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن جەڭ. بۇ جەڭدە گېرمان رىتسارلىرى لومباردىيە ئىتتىپاقىنىڭ خەلق ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن يېڭىلىپ، فرېدرىخ Ⅰ ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىشقا تاسلا قالغان. كېيىن ئالتە يىللىق سۆھبەت ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ 1183-يىلى «كونستانتىس سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، ف-رېدرىخⅠ لومباردىيە شەھەرلىرىنىڭ ئۆزىنى-ئۆزى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 

لېڭمۇ چۈنشىن (سۇزۇكى خارۇنوبۇ)

  • لېڭمۇ چۈنشىن (سۇزۇكى خارۇنوبۇ)[يەشمىسى:]1770 - 1725) ياپونىيە ئېدو دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى داڭلىق قاپارتما سۈرەت رەسسامى. ئېدودا تۇغۇلغان. دەسلەپ نازىنىن ئارتىسلارنى سىزغان، كېيىن جۇڭگودىكى چۇيىڭنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ساپلا گۈزەللەرنى سىزىدىغان بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا رەڭگا-رەڭ ئويما سۈرەتلەرنى ئىجاد قىلغان. ئۇ «گۈزەل سۈرەت» دەپ ئاتالغان. 

لېلېۋېل

  • لېلېۋېل[يەشمىسى:] (Joachim Lelewel، 1681 - 6871) پولشالىق ئىنقى-لاب-چى، تارىخشۇناس. ۋىلنيۇس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ۋارشاۋا ۋە ۋىلنا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا پروفېسسور بولغان، 1824-يىلى چارروسىيىنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالغان. 1828-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىپ، پولشانىڭ 1830-يىلدىكى قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتناشقان ھەمدە دېموكراتلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پارىژغا قېچىپ كېتىپ، پولشا مىللىي كومىتېتىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1833-يىلى فرانسىيە چارروسىيىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۇنى قوغلاپ چىقارغان، كېيىن ئۇزاققىچە بريۇسسېلدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. «پولشا تارىخى»، «ئوتتۇرا ئەسىر جۇغراپىيىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

لېنا پاجىئەسى

  • لېنا پاجىئەسى[يەشمىسى:] چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ سىبىرىيىدىكى لېنا كان ئىشچىلىرىنى قىرغىن قىلىش ۋەقەسى. لېنا ئالتۇن كېنى 1908-يىلى ئېچىلغان بولۇپ، ئەنگلىيە بىلەن روسىيە كاپىتالىستلىرى بىرلىكتە سەرمايە قوشۇپ باشقۇرغان ھەمدە چار پادىشاھ ۋەزىرلىرى، خان جەمەتى پاي قوشقان، يىلىغا ئىشچىلارنىڭ ئۈستىدىن ئۈندۈرۈۋالىدىغان پايدىسى 7 مىليون سومدىن كۆپرەككە يەتكەن. 1912-يىلى 3-ئاينىڭ (روسىيە كالېندارى بويىچە) ئوتتۇرىلىرى بۇ كاندىكى ئىشچىلار بولشېۋىكلار پارتىيىسىنى يادرو قىلغان ئىش تاشلاش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىش تاشلىغان. بۇ قېتىمقى ئىش تاشلاشقا قاتناشقۇچىلار 5000 كىشىگە يەتكەن. ئىشچىلار سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ئىش ھەققىنى ئاشۇرۇپ بېرىش، جەرىمانە ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ئىشچىلارنىڭ ئەمگەك، تۇرمۇش شارائىتلىرىنى ياخشىلاش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىش تاشلىغۇچىلارنىڭ بىر تۈركۈم يولباشچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان. 17-كۈنى تەخمىنەن 3000 دەك ئىشچى نامايىش قىلىپ، تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرۇلۇپ، 270 كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، 250 كىشى يارىدار بولغان. بۇ پاجىئە مەملىكەتتىكى 300 مىڭدىن كۆپرەك ئىشچىنىڭ ئىش تاشلاپ ئېتىراز بىلدۈرۈشىنى قوزغاپ، 4191 - 2191-يىللاردىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭ يېڭى دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

لېنتىس

  • لېنتىس[يەشمىسى:]Эмилий Фристианович Ленц ياكى Heinrich Friedrich Emil Lenz، 5681 - 4081)، فىزىكا ئالىمى. ئېستونىيىدە تۇغۇلغان. چېرپۇتې داشۆسىدە ئوقۇغان. 1830-يىلى روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە سايلانغان. 1836-يىلى پېتېربۇرگ داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان، 1863-يىلى مەكتەپ مۇدىرلىقىغا كۆتۈرۈلگەن. ئۇجو ئۇلې بىلەن ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا توك ئېقىمى ئۆتكۈزگۈچتىن ئۆتكەن چاغدا پەيدا بولغان ئىسسىقلىق تەسىرى قانۇنى («جوئۇل-لېنتس قانۇنى») نى كەشپ قىلغان، يەنە ئېلېكترو-ماگنىت ئىندۇكسىيىسى ھادىسىسىنىڭ بىر تۈپ قانۇنى يەنى لېنتس قانۇنىنى ئېنىقلىغان. 

لېنىن

  • لېنىن[يەشمىسى:] (Владимир Ильич Ленин Ульянов، 12.1·4291·22.4·0781) ماركس، ئېنگېلس ئىشلىرى ۋە تەلىماتىنىڭ ۋارىسى، پۈتۈن دۇنيا پرولېتارىياتىنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازى ۋە داھىيسى. سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە سابىق سوۋېت سوتسىيالىستىك دۆلىتىگە ئاساس سالغۇچى. ئەسلى فامىلىسى ئۇليانوۋ بولۇپ، روسىيىنىڭ سىمبىرسك دېگەن يېرى (ھازىرقى ئۇليانوۋىسكى)دە تۇغۇلغان. دادىسى ئۆلكىلىك خەلق مائارىپ مۇپەتتىشى، ئانىسى دوختۇرنىڭ قىزى. 1887-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قازان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىغا كىرىپ ئوقۇغان. بىرنەچچە ئايدىن كېيىن ئىلغار ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە پائال قاتناشقانلىقتىن قولغا ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنغان. ئىككىنچى يىلى 10-ئايدا قازانغا قايتىپ كېلىپ، فېدوسېۋنىڭ ئىنقىلابىي گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، ماركسنىڭ «كاپىتال» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى بېرىلىپ مۇھاكىمە قىلغان.1889-يىلى كۈزدە سامارا (Самара ھازىرقى كۇيبېشېۋ) غا كۆچۈپ كېلىپ، شۇ يەردىكى تۇنجى ماركسىزملىق گۇرۇپپىنى تەشكىللىگەن.1893-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا پېتېربۇرگقا كۆچۈپ كېلىپ، روسىيىدە ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش يولىدىكى خىزمىتىنى باشلىغان.1894-يىلى «<خەلق دوستلىرى> دېگەن نېمە ۋە ئۇلار سوتسىيال دېموكراتلارغا قانداق ھۇجۇم قىلىدۇ؟» نى يېزىپ، نارودنىكلارنىڭ نەزەرىيىۋى نۇقتىئىنەزەرلىرى ۋە سىياسىي پروگراممىسىنى تەنقىد قىلىپ، تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى شەرھلىگەن؛ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلغۇچى سىنىپ بولۇشىدىكى ئۇلۇغ تارىخىي رولىنى دەلىللەپ، ئىشچى-دېھقانلار ئىتتىپاقى ئىدىيىسى ۋە ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرۇشتىكى ۋەزىپىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1895-يىلى كۈزدە، لېنىن پېتېربۇرگدىكى بارلىق ماركسىزمچى ئىشچىلار گۇرۇپپىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشچىلار سىنىپىنى ئازاد قىلىش كۈرىشى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، روسىيىدە تۇنجى قېتىم سوتسىيالىزم بىلەن ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ بىرلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. شۇ يىلى 12 -ئايدا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان؛ 1897-يىلى 2-ئايدا سىبىرىيىنىڭ يېنسەي ئۆلكىسىگە سۈرگۈن قىلىنغان، تۈرمە ۋە سۈرگۈن جەريانىدا داۋاملىق ئىنقىلابىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، نەزەرىيىۋى ئەسەرلەرنى يازغان. 1899-يىلى «روسىيىدە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتى» نى يېزىپ چىقىپ، ماركسىزملىق ئىقتىساد تەلىماتىنى تەتبىق قىلىپ، روسىيىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەھلىل قىلىپ، روسىيە ئىنقىلابىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى شەرھلەپ، نارودنىكلارغا ئىدىيە جەھەتتە ئەجەللىك زەربە بەرگەن.1900-يىلنىڭ باشلىرىدا سۈرگۈن مۇددىتى توشۇپ 7-ئايدا چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن. چەت ئەلدە ماركسىزمچىلارنىڭ روسىيە بويىچە تۇنجى سىياسىي گېزىتى — «ئىسكرا» گېزىتىنى نەشىر قىلىپ، روسىيىدە ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە قۇرۇش ئۈچۈن ئىدىيە ۋە تەشكىلىي جەھەتتىكى تەييارلىقلارنى قىلغان. شۇ يىلى 12-ئايدا «جۇڭگودىكى ئۇرۇش» نى يېزىپ، چار پادىشاھ روسىيىسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش، جۇڭگودىكى يىخېتۇەن ھەرىكىتىنى باستۇرۇش، جۇڭگو خەلقىنى قىرغىن قىلىشتەك قانلىق جىنايىتىنى ئېچىپ تاشلاپ ۋە ئەيىبلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرىشىگە سەمىمىي ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1901 - 1902-يىللىرى «نېمە قىلىش كېرەك؟» دېگەن كىتابنى يېزىپ، ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ستېخىيىلىكىگە چوقۇنۇپ، سىياسىي كۈرەشنى ئىنكار قىلىدىغان ئاغمىچىلىق نۇقتىئىنەزەرلەرنى تەنقىد قىلغان. ئىنقىلابىي نەزەرىيىنىڭ ئىشچىلار سىنىپىي كۈرىشىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى شەرھلەپ، بېرنىشتېيىنچىلىقنىڭ روسىيىدىكى ئۆزگەرگەن تۈرى — ئىقتىسادۋازلىقنى تارمار قىلغان. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ 2-قۇرۇلتىيىدا، كەسكىن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، قۇرۇلتايغا پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئاساسىي ۋەزىپە قىلىنغان پارتىيە پروگراممىسىنى ماقۇللاتقان. قۇرۇلتايدا پارتىيە قۇرۇش تەشكىلىي پرىنسىپىدا كەسكىن ئىختىلاپ بولغانلىقتىن، لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلار ۋە مارتوۋ باشچىلىقىدىكى مېنشېۋىكلار شەكىللەنگەن. 1904-يىلى «بىر قەدەم ئالغا، ئىككى قەدەم ئارقىغا» نى يېزىپ، مېنشېۋىكلارنىڭ تەشكىلىي مەسىلىلەردىكى ئاغمىچىلىقنى تەنقىد قىلىپ، پرولېتارىيات پارتىيىسىنىڭ تەشكىلىي پرىنسىپىنى تۈزۈپ چىقىپ، پرولېتارىيات پارتىيىسى توغرىسىدىكى تەلىماتنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلىگەن. 1905-يىلى روسىيە ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، 7-ئايدا «سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ دېموكراتىك ئىنقىلابتىكى ئىككى تاكتىكىسى» نى يېزىپ، مېنشېۋىكلارنىڭ پرولېتارىياتنى بۇرژۇئازىيىگە تىز پۈكتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشتەك ئاغمىچىلىق لۇشيەنىدىن ئۈزۈل-كېسىل ھېساب ئېلىپ، بولشېۋىكلارنىڭ ئىنقىلابتىكى تاكتىكىلىق لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، پرولېتارىياتنىڭ دېموكراتىك ئىنقىلابتىكى رەھبەرلىك ھوقۇقى، ئىشچى-دېھقانلار ئىتتىپاقى ۋە بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىنى سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىغا بۇراش قاتارلىق مەسىلىلەرنى دەلىللەپ، ماركسىزمنىڭ پرولېتارىيات ئىنقىلابى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى بېيىتقان. 11-ئايدا چەت ئەلدىن پېتېربۇرگقا قايتىپ كېلىپ، ئىنقىلابىي كۈرەشكە بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئىشچى-دېھقانلار ئىنقىلابىي دېموكراتىك دىكتاتۇرىسىنى ئورنىتىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرغان. 1907-يىلى ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن. ستولپىن ئەكسىيەتچىل يىللىرىدا، پارتىيىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىنقىلابىي كۈچلەرنى توپلاش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ھەمدە نەزەرىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1908-يىلى «ماتېرىيالىزم ۋە تەجرىبە تەتقىدچىلىكى» نى يېزىپ، ئېنگېلس ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىلىرىنى يىغىنچاقلاپ، رېۋىزىئونىزم ۋە بۇرژۇئا ئىدېئالىزمىنى چوڭقۇر تەنقىد قىلىپ، پەلسەپىنىڭ پارتىيىۋىلىك پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پرولېتارىيات پارتىيىسىنىڭ دۇنيا قارىشىنى قوغداپ، دىئالېكتىك ماتېرىيالىزملىق بىلىش نەزەرىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. شۇنداقلا يەنە روسىيىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئىنقىلابىنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مەخپىي خىزمەت بىلەن قانۇنلۇق خىزمەت بىرلەشتۈرۈلگەن تاكتىكىلىق لۇشيەنىنى يولغا قويۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى بۇرژۇئازىيىنىڭ قانۇنىيلىقىغا چوقۇنىدىغان ۋە پارتىيىنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىكار قىلغۇچىلارغا ھەمدە قانۇنلۇق پۇرسەتتىن پايدىلىنىشنى رەت قىلىپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنى ئايرىپ تاشلايدىغان چاقىرىۋالغۇچىلارغا شۇنداقلا كېلىشتۈرمىچىلىك ۋېۋىسكىسى ئاستىدا بىكار قىلىش مەسلىكىنى بازارغا سالىدىغان تروتىسكىچىلارغا قارشى تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئوپپورتۇنىستلىرىنىڭ روسىيە پارتىيىسى ئىچىدىكى بىكار قىلىش مەسلىكى تەرەپدارلىرىنى قوللىشىغا تاقابىل تۇرغان. روسىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئىككىنچى ئنتېرناتسىئونالدىكى ۋەكىلى بولغان (1905-يىلىدىن باشلاپ) مەزگىلىدە، ئىجرائىيە بيۇروسى يىغىنى ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇلتىيىغا كۆپ قېتىم قاتنىشىپ، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئاغمىچىلىرى كاتتىباشلىرى بىلەن دەلمۇدەل كۈرەش قىلغان. 1912-يىلى 1-ئايدا پراگادا ئېچىلغان 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا رەھبەرلىك قىلىپ، مېنشېۋىكلارنى پارتىيىدىن تازىلاپ چىقىرىپ، بولشېۋىكلار پارتىيىسىنى رەسمىي مۇستەقىل پارتىيىگە ئايلاندۇرغان. 1914-يىلى 7-ئايدا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ماركسىزم تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزم پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ماركسىزمچىلارنى قولغا كەلتۈرۈپ ۋە ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئوپپورتۇنىستلىرىنىڭ ئۆز مەملىكىتى بۇرژۇئازىيىسىگە قول چۇماق بولۇپ، سوتسىيال شوۋىنىزمنى تەرغىپ قىلىشىغا قارشى مۇرەسسەسىز كۈرەش ئېلىپ بارغان. «ئۇرۇش ۋە روسىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى» (1914) دېگەن خىتابنامىسى ۋە «ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ بەربات بولۇشى» (1915) دېگەن ئەسەرلىرىدە سوتسىيال شوۋىنىزمنىڭ سىنىپىي مەنبەسى، سىياسىي مەزمۇنى ۋە ئۇنىڭ پرولېتارىياتقا بولغان غايەت زور زىيىنىنى ئېچىپ تاشلىغان. ماركسىزمنىڭ ئۇرۇش ۋە تىنچلىق، پرولېتارىيات ئىنقىلابى توغرىسىدىكى نەزەرىيە ۋە تاكتىكىلىرىنى دەلىللەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، «جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلاندۇرۇش» دېگەن ئىنقىلابىي شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. جاھانگىرلىكنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ۋە سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كاپىتالىستىك ئىقتىساد ۋە سىياسىينىڭ تەرەققىياتىنىڭ تەكشىسىزلىك قانۇنىيىتىنى كەشپ قىلغان. 1915-يىلى 8-ئايدا يازغان «ياۋروپا فېدېراتسىيىسى شوئارى توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىدە سوتسىيالىزم ئاز ساندىكى ھەتتا ئايرىم بىر كاپىتالىستىك مەملىكەتتە ئالدى بىلەن غەلىبە قىلىشى مۇمكىن دېگەن مۇھىم يەكۈننى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. 1916-يىلى «جاھانگىرلىك كاپىتالىزمنىڭ يۇقىرى باسقۇچى» نى يېزىپ، «كاپىتال» نەشىر قىلىنغاندىن كېيىنكى يېرىم ئەسىر جەريانىدىكى كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى يەكۈنلەپ، جاھانگىرلىكنىڭ ماھىيىتى، ئالاھىدىلىكى ۋە زىددىيىتىنى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، كائۇتىسكىچىلىقنى ئۈزۈل-كېسىل تەنقىد قىلىپ، جاھانگىرلىك پرولېتارىيات سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسى ئىكەنلىكىنى، جاھانگىرلىك ۋە پرولېتارىيات ئىنقىلابىي دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. مىللىي مۇستەملىكىلەر مەسىلىسى ئۈستىدىكى ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرۇپ، شۇ يىلى «سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى»، «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش مەسىلىسى ئۈستىدىكى مۇنازىرىنىڭ يەكۈنى» قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ، پرولېتارىيات پارتىيىسىنىڭ مىللىي مۇستەملىكىلەر مەسىلىسى توغرىسىدىكى پروگرامما ۋە سىياسەتلىرىنى شەرھلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆپلەپ پەلسەپە خاتىرىلىرى يېزىپ، دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان. 1917-يىلى روسىيە فېۋرال ئىنقىلابى چار پادىشاھ تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، 4-ئاينىڭ 16-كۈنى (رۇس كالېندارى بويىچە 4-ئاينىڭ 3-كۈنى) چەت ئەلدىن پېتروگرادقا قايتىپ كېلىپ، ئىككىنچى كۈنى يازغان.«ئاپرېل تېزىسلىرى» دا بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىدىن سوتسىيالىستىك ئىنقىلابقا ئۆتۈش فاڭجېنىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئارقىدىنلا بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيال ئىنقىلابچىلار پارتىيىسى، مېنشېۋىكلار ۋە پارتىيە ئىچىدىكى ئاغمىچىلارنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىلەن مۇرەسسەلىشىشتەك ئەكسىلئىنقىلابىي لۇشيەنىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئاممىنى ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تەربىيىلەش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش يولىدا جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، مەخپىي ھالەتكە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان؛ 8 - 9-ئايلاردا «دۆلەت ۋە ئىنقىلاب» نى يېزىپ چىقىپ، دۆلەت ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى مەسىلىسىدە ماركسىزمنى قوغداپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، بۇرژۇئا دۆلەت ماشىنىسىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، پرولېتارىيات دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ۋەزىپىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ ھالاك بولۇپ بېرىشنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنى بايان قىلىپ، كوممۇنىزم جەمئىيىتىنىڭ ئىككى باسقۇچىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. 9-ئايدىكى مەركىزىي كومىتېتىغا يازغان خېتىدە ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ كونكرېت پىلانىنى تۈزۈپ چىققان. 11-ئاينىڭ 7-كۈنى (رۇس كالېندارىدا 10-ئاينىڭ 25-كۈنى) پېتروگراد ئۆكتەبر قوراللىق قوزغىلىڭىغا بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىپ، بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئىككىنچى كۈنى پۈتۈن روسىيە سوۋېتىنىڭ 2-قۇرۇلتىيىدا «تىنچلىق پەرمانى» ۋە «يەر پەرمانى» نى جاكارلىغان ھەمدە بىرىنچى نۆۋەتلىك سوۋېت خەلق كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ پومېشچىك ۋە كاپىتالىستلارنىڭ مۈلۈكچىلىكىنى بىكار قىلىپ، ئاغدۇرۇلغان ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇپ، يېڭى پرولېتارىيات دۆلەت ئورگىنىنى قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك ئىگىلىكنى تەشكىللىگەن. 1918-يىلى 3-ئايدا تروتىسكى ۋە بۇخارىننىڭ توسقۇنلۇقىنى يېڭىپ، گېرمانىيە بىلەن «برېسىت سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ۋاقىتلىق ئارام ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ئىگىلىكنى تەرتىپكە سېلىپ، قىزىل ئارمىيىنى قۇرۇپ چىققان. 4-ئايدا «سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىلىرى» نى ئېلان قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ۋە قۇرۇلۇشنىڭ پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان. 6-ئايدا سوتسىيال ئىنقىلابچىلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئېغىر زەخىملەنگەن. 0291 - 8191-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پارتىيە ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، جاھانگىر قوراللىق مۇداخىلىچىلىرىنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمى ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭنى تارمار قىلىپ، ياش سوۋېت دۆلىتىنى قوغداپ قالغان. مۇشۇ مەزگىلدە يەنە «پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە خائىن كائۇتىسكى» (1918) دېگەن كىتابنى يېزىپ، كائۇتىسكى ۋەكىللىكىدىكى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئاغمىچىلىرىنى تەنقىد قىلغان. ئارقىدىنلا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئۇلۇغ باشلىنىش»، «پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى دەۋرىدىكى ئىقتىساد ۋە سىياسىي» قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ، پرولېتاىيات دىكتاتۇرىسى مەزگىلىدىكى سىنىپىي كۈرەشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلپ، سوتسىيالىستىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش — پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيىنى شەرھلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە خەلقئارا ئىنقىلابىي كۈچلەرنى پائال ئىتتىپاقلاشتۇرغان ۋە ئۇيۇشتۇرغان. 1919-يىلى 3-ئايدا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال (يەنى ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال) نى قۇرۇپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ دەسلەپكى بىرنەچچە قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلغان. 2-قۇرۇلتايدا ماركسىزملىق نۇقتىئىنەزەر ئارقىلىق مىللەت ۋە مۇستەملىكە مەسىلىلىرىنى شەرھلەپ، پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى ۋە ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىشى توغرىسىدىكى ئىدىيىنى چوڭقۇر بايان قىلغان. 1920-يىلى 5 - 4-ئايلاردا «كوممۇنىزم ھەرىكىتىدىكى بالىلارچە <سولچىللىق> كېسىلى» نى يېزىپ، ئوڭچىل ئاغمىچىلىقنىڭ خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىدىكى ئاساسلىق خەۋپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن بىللە، غەربىي ياۋروپا ئەللىرىدىكى ياش كومپارتىيىلەر ئىچىدىكى تاكتىكا مەسىلىسىدە مەيدانغا كەلگەن «سول» چىل پىكىر ئېقىملىرىنى تەنقىد قىلىپ، ماركسىزملىق تاكتىكىلىق قائىدىلەرنى مېغىزلىق ھالدا بايان قىلغان. ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دەرھال دۆلەتنىڭ خەلق ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ئىزىغا بۇرۇلۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1920-يىلى 12-ئايدا پۈتۈن روسىيە سوۋېتىنىڭ 8-قۇرۇلتىيىدا خەلق ئىگىلىكىنى زامانىۋى يىرىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا ئاساسىغا يۆتكەشنى مەقسەت قىلغان روسىيىنى ئېلېكترلەشتۈرۈش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1921-يىلنىڭ باشلىرىدا، پارتىيىنىڭ 10-قۇرۇلتىيىدا يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەتنى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كوممۇنىزم سىياسىتى ئورنىغا قويۇپ، پۇل-تاۋار مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي باغلىنىشىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، سودىنى جانلاندۇرۇپ، سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تروتىسكى قاتارلىقلارنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى گۇرۇھۋازلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىگەن. 1922-يىلنىڭ ئاخىرىدا كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا موسكۋا سوۋېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئىچكى-تاشقى سىياسەتلەر توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ھەمدە 1923-يىلى «ھەمكارلىق تۈزۈمى»، «مەملىكىتىمىز ئىنقىلابى»، «ئاز بولسۇن، ساز بولسۇن» قاتارلىق مۇھىم ماقالىلىرىنى ئېغىزچە ئېيتىپ بېرىپ، سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى خىزمەتلەرنى يەكۈنلەپ، روسىيە سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. 1924-يىل 1-ئاينىڭ 21-كۈنى موسكۋانىڭ يېنىدىكى گوركىي يېزىسىدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. لېنىن ئۆز ئۆمرىنى روسىيە پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا بېغىشلىغان، پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى ۋە ئېزىلگۈچى خەلقنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا بېغىشلىغان؛ پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر خىل دۈشمەنلەرگە قارشى كۈرەش جەريانىدا، ماركسىزمنى ئىجادىي تەتبىق قىلىپ، قوغداپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ماركسىزمنى يېپيېڭى باسقۇچ — لېنىنىزم باسقۇچىغا كۆتۈرگەن. 

لېنىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى

  • لېنىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى[يەشمىسى:] سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيىنىڭ لېنىنگرادقا قىلغان ھۇجۇمىغا زەربە بېرىشتىن ئىبارەت مۇداپىئە ئۇرۇشى. 1941-يىلى 7-ئايدا شىمالىي لىنىيىدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسى بالتىق دېڭىزىنىڭ قىرغاقلىرىنى ئىشغال قىلىپ، لېنىنگرادقا قىستاپ كەلگەن. 8-ئايدا لېنىنگراد شەھەر ئەتراپى رايونىدا شىددەتلىك جەڭ بولغان. 9-ئايدا ئۇرۇش لىنىيىسى شەھەرگە 02 - 51 كىلومېتر كېلىدىغان يەرگىچە ئىلگىرىلىگەن ھەمدە لادوگاكۇلىنىڭ جەنۇبى قىرغىقىدىكى شىلىسسېلبۇرگ (Шлиссельбург) نى ئىشغال قىلىپ، قۇرۇقلۇقتىن قامال قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسى ھەمدە لېنىنگرادتىكى ئاھالىلەر 900 كۈن باتۇرلارچە قەيسەرلىك بىلەن مۇداپىئە ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، دۈشمەننىڭ نۇرغۇن قېتىملىق ھۇجۇمىنى تارمار قىلغان. 1944-يىلى 1-ئايدا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، مۇداپىئە ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 

لېنىنىزم

  • لېنىنىزم[يەشمىسى:] «ماركسىزم-لېنىنىزم» غا قارالسۇن. 

لېئوⅢ

  • لېئوⅢ[يەشمىسى:]1) لېئوⅢ (Leo، تەخمىنەن 147 - 576). ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (147 - 717). ئىسۇرىيە خاندانلىقىغا ئاساس سالغۇچى. تەختكە چىققاندىن كېيىن، مىلادى 718-يىلى كونستانتىنوپولنى قورشىۋالغان ئەرەب قۇرۇقلۇق-دېڭىز ئارمىيىسىنى تارمار قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە 740-يىلى ئاناتولىيىدىكى ئاكروئىنون (Akroinon) دا ئەرەب قوشۇنىنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتقان. 726-يىلى ئىكوناغا چوقۇنۇشقا قارشى تۇرۇش يارلىقى چىقىرىپ، ئىكونانى چېقىش ھەرىكىتىنى باشلاپ بەرگەن. شۇ يىلى يەنە «قانۇن توپلىمى» نى ئېلان قىلىپ، مۈلۈكدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغان. (2) لېئو Ⅲ (Leo Ⅲ، تەخمىنەن 618 - 057). رىم پاپاسى (618 - 597). تەختكە چىققاندىن كېيىن، رىم ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قارشىلىقىغا پەرۋا قىلماي، فرانك كورۇلى، ئىمپېراتور چارلېسنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان. 799-يىلى رىم ئاقسۆڭەكلىرى توپىلاڭ چىقىرىپ رىمدىن قېچىپ چىقىپ، چارلېستىن ياردەم سورىغان. 800-يىلى چارلېس ئەسكەر باشلاپ رىمغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەرگەن. شۇ يىلى روژدېستۋو بايرىمىدا، چارلېسقا تاج كىيدۈرۈپ «رىملىقلار ئىمپېراتورى» دەپ نام بەرگەن. چارلېس ئۆلگەندىن كېيىن 815-يىلى يەنە رىم ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. چارلېسنىڭ ئوغلى لۇئى (تەقۋادار) نىڭ ياردىمىگە تايىنىپ مۈشكۈللۈكتىن قۇتۇلۇپ قالغان. 

لېئوپولدⅠ

  • لېئوپولدⅠ[يەشمىسى:] لېئوپولد Ⅰ(Leopold Ⅰ، 5071 - 0461). ئاۋسترىيە كورۇلى. مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (5071 - 8561). تەختتىكى مەزگىلدە كاتولىك چېركاۋىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ كۈچىنىڭ بارىچە ھابسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن. ۋېنگرىيىگە قارىتا ۋەھشىي زۇلۇم سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ۋېنگرلارنىڭ كۆپ قېتىملىق قارشىلىقى ۋە قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 9961 - 3861-يىللىرى تۈركىيە بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇش قىلىپ، پولشا، ۋېنېتسىيىنىڭ قوللىشى بىلەن تۈركىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، ۋېنگرىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى، ترانسلۋانىيە، كرودىيە ۋە سلوۋېنىيىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان. 1701-يىلى ئىسپانىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. فرانسىيە بىلەن ياۋروپاغا خوجايىنلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالاشقان ھەمدە ئىسپانىيىنى ھابسبۇرگ خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنغان. (2) لېئوپولدⅠ(ساكسونىيە-كوبۇگلىق) (cobougLeopd de saxe Leopold I،1790- 1865). بېلگىيە پادىشاھى (1831 - 1865) ئەسلى گېرمانىيە ساكسونىيە-كوبۇگ شاھزادىسى. روسىيە گېنېرالى بولۇپ، 1812-يىلدىكى روسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1816-يىلى ئەنگلىيە كورۇلىۋاسى شارلوت (Charlotte) بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. ئۇزاق ئۆتمەي شارلوت ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ، فرانسىيە كورۇلىنىڭ چوڭ قىزى لۇئىزې-مارې ( Marie- Louise) غا ئۆيلەنگەن. فرانسىيىدىكى ئىيۇل ئىنقىلابى (1830) نىڭ تەسىرى ئاستىدا بىريۇسسېلدا ئىنقىلاب پارتلاپ، ئۇزاق ئۆتمەي مىللىي كېڭەش تەرىپىدىن كورۇللۇققا قويۇلغان (1831-يىل 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، ھازىرقى بېلگىيىنىڭ دۆلەت بايرىمى). تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلىدە گوللاندىيە قوشۇنىنىڭ بېسىپ كىرىشى سەۋەبىدىن فرانسىيە قوشۇنىنى بېلگىيىگە كىرىشكە تەكلىپ قىلىپ، گوللاندىيە قوشۇنىنى چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان. 1839-يىلى گوللاندىيە بىلەن شەرتنامە تۈزۈپ، لىمبۇرگ ئۆلكىسى بىلەن ليۇكسېمبۇرگ ئۆلكىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى گوللاندىيىگە بەرگەن. بېلگىيە مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ھەمدە ئەنگلىيە، فرانسىيە، پېرۇسسىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك بىتەرەپ ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بولغان. ئىچكى جەھەتتە 1831-يىلى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كابىنېت يىغىنىغا بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلىپ كەلگەن. تۆمۈريول قۇرۇش، كۆمۈر قېزىش، دېڭىز ترانسپورتى ۋە قۇرۇلۇش ئىنشائاتلىرى قاتارلىقلارنى يۈكسەلدۈرۈپ، سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلەتكەن.

لېئوپولدⅡ

  • لېئوپولدⅡ[يەشمىسى:] (1) لېئوپولد Ⅱ (Leopold Ⅱ، 2971 - 7471). ئاۋسترىيە كورۇلى، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى (2971 - 0971). تەختتىكى مەزگىلىدە ئاكىسى جوسېف دەۋرىدىكى ھەرخىل ئىسلاھاتنى بىكار قىلىپ، ئاقسۆڭەك پومېشچىك ۋە كاتولىك چېركاۋلىرىنىڭ ئىمتىيازىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. مەملىكەت ئىچىدە ئەكسىيەتچىل سىياسەتنى يولغا قويغان. 1789 — 1790-يىللىرىدىكى بېلگىيە «كالتەكچىلەر ھەرىكىتى»نى باستۇرغان. 1790-يىلى پرۇسسىيە بىلەن «رېخېنباخ كېلىشىمى» ئىمزالىغان، 1791-يىلى يەنە «پىللېنتىس خىتابنامىسى» غا ئىمزا قويغان. 1792-يىلى 2-ئايدا پېرۇسسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ فرانسىيە چوڭ ئىنقىلابىغا بىرلىكتە قارشى تۇرغان. (2) لېئوپولد Ⅱ (Leopold Ⅱ، 1835 — 1909). بېلگىيە كورۇلى (1865 - 1909). 1876-يىلى «خەلقئارا ئافرىقا جەمئىيىتى» نى تەشكىللىگەن. ستانلېنى ياللىۋېلىپ كونگو رايونى (ھازىرقى زايىر) نى تەكشۈرۈش ئىشىغا سالغان. كېيىن شەخسىي نامى بىلەن كونگونىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، «كونگو ئەركىن شتاتى» دەپ ئاتىۋالغان. يەرلىك ئاھالىلەرنى ۋەھشىيلىك بىلەن ئېزىپ، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغان ۋە قىرغان. 1908-يىلى بۇ جاينى مۇستەملىكە سۈپىتىدە بېلگىيە ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. 

لېئون پادىشاھلىقى

  • لېئون پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] ئىبېرىئان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى فېئودال پادىشاھلىق، مىلادى 910-يىلى ئاستۇرىياس پادىشاھلىقى لېئون، گالىتسىيە ۋە ئاستۇرىياستىن ئىبارەت ئۈچ كىچىك پادىشاھلىققا بۆلۈنۈپ كەتكەن. 914-يىلى لېئون گالىتسىيە بىلەن قوشۇلغان؛ 924-يىلى يەنە ئاستۇرىياس بىلەن قوشۇلۇپ، لېئون (Leon) نى پايتەخت قىلىپ، لېئون پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 988-يىلى كوردوۋا خەلىپىلىكى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. ئالفونسو Ⅴ (Alfonso Ⅴ) تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (7201 - 999) دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1037-يىلى كاستىللا پادىشاھلىقى بىلەن قوشۇلغان. 1157-يىلى يەنە مۇستەقىل پادىشاھلىققا ئايلانغان. 1230-يىلى ئاخىرى كاستىللا پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. 

لېئونتېۋ

  • لېئونتېۋ[يەشمىسى:] (Лев Абрамович Леонтьев، 4791 - 1091) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ئىقتىسادشۇناس. 1919-يىلى كومپارتىيىگە كىرگەن. 1925-يىلى قىزىل پروفېسسورلار ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن ئالىي ئىنستىتۇتلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1930-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن سوۋېت كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي ماركسىزم-لېنىنىزم تەتقىقات ئىنستىتۇتى ۋە «ھەقىقەت گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1939-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئاكادېمىكى بولغان، كېيىن «يېڭى دەۋر» دە مۇئاۋىن باش تەھرىر بولغان. 3591 - 6491-يىللىرى سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى سىياسىي ئىقتىساد كافېدراسىنىڭ مۇدىرى بولغان. «ماركسنىڭ <كاپىتال> دېگەن ئەسىرى توغرىسىدا»، «لېنىننىڭ جاھانگىرلىك توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

لېئونىدا

  • لېئونىدا[يەشمىسى:] (Leonidas،مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 480) سپارتا پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 488 —480). پادىشاھ كلېئومېنېس Ⅰ (Cleomenies I) نىڭ ئانا باشقا ئىنىسى، ئايال پادى-شاھ گورگو (Gorgo) بىلەن توي قىلىپ، كېيىن تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. شېرىش Ⅰ پېرسىيە قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ، گرېتسىيىگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلغاندا (ئۈچىنچى قېتىملىق گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشى)، مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى تەخمىنەن 4000 پېلوپوننېس لەشكەرلىرىنى باشلاپ بېرىپ، شىمالىي يۇنان بىلەن ئوتتۇرا يۇناننىڭ چېگرىسىدىكى تېرموپىل («ئارشاڭ ئۆتكىلى») نى قوغدىغان. ئۆتكەلنى ئىككى كۈن چىڭ ساقلاپ، دۈشمەننى كىرگۈزمىگەن. كېيىن خائىننىڭ دۈشمەن بىلەن ئالاقە قىلىشى ئارقىسىدا، پېلوپوننېس لەشكەرلىرى مۇھاسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، تارمار بولۇپ كەتكەن. لېئوندا سپارتالىق 300 پالۋان بىلەن بىللە مەرتلەرچە قۇربان بولغانغا قەدەر قان كېچىپ جەڭ قىلغان. زاماندىشى، لىرىك شائىر سموندې (Simonides) شېئىر يېزىپ، ئۇنى سپارتا پالۋانلىرىنىڭ ئۈلگىسى، دەپ مەدھىيىلىگەن.

لېۋاللوس مەدەنىيىتى

  • لېۋاللوس مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] ياۋروپا كونا تاش قوراللىرى دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى بىر خىل مەدەنىيەت. ئەڭ دەسلەپ فرانسىيىنىڭ پارىژ ئەتراپىدىكى لېۋاللوس (Levallois) تا تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. شىمالىي ئافرىقا، ئەنگلىيە، شۋېتسارىيە ۋە فرانسىيىنىڭ شىمالىي قاتارلىق جايلارغا تارالغان. تىپىك قالغان نەرسە تاش بازغان بىلەن بىۋاسىتە ئۇرۇپ چۈشۈرۈلگەن تاش پارچىلىرىدىن ياسالغان تاش قوراللاردىن ئىبارەت.

لېۋانت

  • لېۋانت[يەشمىسى:] فرانسۇزچە Levant دىن كەلگەن، «شەرق» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. غەرب يازما ھۈججەتلىرىدە، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى رايونلارنىڭ ئاتىلىشى بولۇپ ئادەتتە ئاناتولىيە ۋە سۈرىيە ساھىللىرى ئەتراپىنى كۆرسىتىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپالىقلارنىڭ لېۋانت سودىسى دېگىنى شەرق («يېقىن شەرق») سودىسىنى كۆزدە تۇتىدۇ. ⅩⅦ — ⅩⅥ ئەسىرلەردىكى «يۇقىرى لېۋانت»، (Highlevant) دېگىنى «يىراق شەرق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 

لېۋېررېر

  • لېۋېررېر[يەشمىسى:] (Urbain Jean Loseph Le Verrier، 7781 - 1181) فرانسىيىلىك ئاسترونوم. دەسلەپ خىمىيىنى تەتقىق قىلغان. 1837-يىلى پارىژ ئۇنىۋېرسال تەبىئىي پەن مەكتىپىدە ئاسترونومىيە لېكتورى بولغان، كېيىن ئاسمان جىسىملىرى مېخانىكىسىنى تەتقىق قىلىشقا ئۆتكەن. 1854-يىلى پارىژ رەسەتخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1845-يىلى ئوراندا تەۋرىنىش بولغانلىقىغا دىققەت قىلىپ، نامەلۇم سەييارە بولۇشى مۇمكىن دەپ ھېسابلىغان، كېيىن بۇ سەييارىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ئورنىنى ھېسابلاپ چىققان.1846-يىل 9-ئاينىڭ 23-كۈنى گېرمانىيە ئاسترونومى گاللې (Johann Gottfried Galle، 0191 - 2181) لېۋېررېرنىڭ ھېسابلاش ماتېرىيالىغا ئاساسەن نېپتوننى تاپقان. لېۋېررېرنىڭ كەشپىياتى ئەنگلىلىك ئاسترونوم ئادامىس (John Coich Adams، 1819-1892) دىن كېيىن بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆز ئالدىغا ئىشلىگەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى نېپتوننى تاپقۇچىلار دەپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ سەييارىلەر نەزەرىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەتكەن ھەمدە شۇ چاغدىكى ئەڭ ئوبدان كۆزىتىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق سېلىشتۇرغان؛ شۇنداقلا مېركۇرى ھەرىكىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىش خاراكتېرلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان، تاكى 1915-يىلى ئېينىشتېيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسبىچىلىك نەزەرىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن ئاندىن يېشىلگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى: «سەييارىلەر ھەرىكىتى نەزەرىيىسى»، «قۇياش سخېمىسى»، «مېركۇرى سخېمىسى». 

لېۋسكىي

  • لېۋسكىي[يەشمىسى:] (Василь Левский، 3781 - 7381) بۇلغارىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئەسلى ئىسمى ۋاسىل ئىۋانوۋ كۈنچېۋ ( Кунчев Василь Иванов). قول سانائەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دادىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كېتىپ، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە تۇرمۇشى جاپالىق ئۆتكەن،چىركاۋنىڭ دىياكۇنى بولغان. 1861-يىلى ئەتىيازدا بېلگرادقا كېلىپ راكوۋىسكىينىڭ پىدائىيلار جۈنتۇەنىگە قاتناشقان. 6681 - 4681-يىللىرى بۇلغارىيىگە قايتىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچى بولغان. 1867-يىلى تۈركىيىگە قارشى پارتىزانلار پائالىيىتىگە قاتناشقان، 1868-يىلى بېلگراد ھەربىي مەكتىپى (2-جۈنتۈەن) گە كىرگەن، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا بۇلغارىيە مەخپىي مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن بۇلغارىيىگە قايتىپ كېلىپ، ئىنقىلابىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. 1870-يىلى 5-ئايدا، يەرلىك ئىنقىلابىي كومىتېت قۇرۇشنى باشلىغان ھەمدە ئىنقىلابىي مەركىزىي كومىتېت قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. خەلقنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1872-يىلى خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 

لېۋىس

  • لېۋىس[يەشمىسى:] (1) جون لېۋىللىن لېۋىس (John Llewellyn Lewis، 1880-1969) ئامېرىكا سانائەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسىگە ئاساس سالغۇچى. ياش ۋاقتىدا كان ئىشچىسى بولغان. 1906-يىلىدىن باشلاپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 8191 - 7191-يىللىرى ئامېرىكا كان ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1919-يىلى مۇۋەققەت رەئىس، ئىككىنچى يىلى رەئىس بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. 1935-يىلى ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن گرېن قاتارلىقلار بىلەن پىكىر ئىختىلاپى بولۇپ قېلىپ تەشكىلات بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1938-يىلى سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلۇپ، بۇنىڭ رەئىسى بولغان. دەسلىپىدە روزۋېلتنىڭ «يېڭى سىياسىتى» نى قوللىغان، 1940-يىلى بۇرۇلۇپلا ۋىلىكنىڭ زۇڭتۇڭلۇقنى تالىشىشىنى قوللاپ روزۋېلت بىلەن قارشىلىشىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىدىن ئىستېپا بەرگەن، لېكىن كان ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىنى 1960-يىلىغىچە ئۆتىگەن. (2) سىنكلېر لېۋىس (Sinc Lair Lewis، 1591 - 5881) ئامېرىكىلىق يازغۇچى. مىننىسوتا شتاتىدا دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1907-يىلى يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئاخبارات مۇخبىرى، گېزىت-ژۇرنال مۇھەررىرى بولغان. 1914-يىلى تۇنجى ئەسىرى «بىزنىڭ رەئېن ئەپەندى» نى ئېلان قىلغان. 1920-يىلى «چوڭ كوچا» نى يېزىپ شۆھرەت قازانغان. 1922-يىلى «بابىت» نى نەشىر قىلدۇرۇپ، ئامېرىكا بۇرژۇئازىيىسىنىڭ چاكىنا تۇرمۇشىنى سۈرەتلەپ، ئۇششاق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مىشچان ئادىتىنى كۈچلۈك مەسخىرە قىلغان. تەسۋىرى كۈچلۈك، يۇمۇرلۇق ۋە جانلىق بولۇپ، يېڭى ئوبرازلارنى ياراتقانلىقتىن، 1930-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. 1936-يىلى يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات دوكتورلۇقى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن يەنە «ۋۇنۇننىڭ چۈشى»، «ئاروسمىس»، «ئىرمى گامېتلې»، «چېجېدىن پولەننېخ»، «تاۋۇجېۋۇس» قاتارلىق رومانلىرى بار. 

لېيپنىز

  • لېيپنىز[يەشمىسى:] (Gottfried Wilhelm Leibniz، 6171 - 6461) گېرمانىيىلىك تەبىئىي پەن ئالىمى، ماتېماتىك، ئىدىئالىستىك پەيلاسوپ. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا لېيپسىگ داشۆسىدە ئوقۇغان. دىپلوماتىيە ئەمەلدارى، ئوردا مەسلىھەتچىسى، كۇتۇپخانا باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. بېرلىن پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تۇنجى باشلىقى بولغان. فرانسىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرغان. نيۇتون بىلەن بىر قاتاردا ئىنتېگرالنىڭ ئاساسچىسى دېيىلىدۇ. پاسكانىڭ قوشۇش ئەسۋابىنى ياخشىلاپ، قول بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان ھېسابلاش ماشىنىسىنى لايىھىلىگەن ۋە ياسىغان. ئۇ جۇڭگونىڭ «تەبىئىي سەككىز سىمۋوللۇق پال» بىلەن ماس كېلىدىغان ئىككى خانىلىق سىستېمىسى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ھېسابلاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. لوگىكا جەھەتتە تولۇق ئاساسىي قانۇنىيىتىنى ھەممىدىن ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە مۇناسىۋەتلىك لوگىكا مەسىلىلىرىنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تەتقىق قىلغان. ئۇ، ماتېماتىكىلىق لوگىكىنىڭ پېشۋاسى. پەلسەپە جەھەتتە، ئوبيېكتىپ ئىدىئالىستىك سىستېمىسىدىكى بىرلىك نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلغان. بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتە، لوكنىڭ تەجرىبىچىلىك نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرۇپ، بىلىش تاشقى دۇنيادىكى شەيئىلەردىن كەلمەيدۇ، بەلكى ئەزەلدىن بار بولىدۇ، كۆڭۈلنىڭ ئۆزىدە بار بولغان يوشۇرۇن چۈشەنچىنىڭ گەۋدىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىغان. ھەقىقەتنى مۇقەررەر ھەقىقەت ۋە تاسادىپىي ھەقىقەت دەپ ئايرىغان. ئۇنىڭ ئىدىئالىستىك سىستېمىسى بەزى ماتېرىيالىستىك ئامىللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ماركسىزم كلاسسىكلىرىدا بۇ قارارلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى «ئىنسان ئەقلىي توغرىسىدىكى يېڭى نەزەرىيە»، «ئىلاھ بەرھەقچىلىكى»، «بىرلىك نەزەرىيىسى» قاتارلىقلار. 

لېيپسىگ جېڭى

  • لېيپسىگ جېڭى[يەشمىسى:] 1813-يىلى كۈزدىكى 6-قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ناپولېئون Ⅰ بىلەن قىلغان چوڭ بىرلەشمە جېڭى. 1812-يىلى قىشتا ناپولېئون روسىيىگە قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان. 1813-يىلى ئەتىيازدا 6-قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تەشكىل قىلىنغان. ئۇرۇش 5-ئايدا پارتلاپ، 6-ئايدا توختىلىپ، 8-ئايدا تىنچلىق سۆھبىتى بۇزۇلغان. 8-ئاينىڭ 27-كۈنى درېسدېن جېڭىدە فرانسىيە قوشۇنلىرى غەلىبە قىلغان. 10-ئاينىڭ 16 — 19 -كۈنلىرى ئىككى تەرەپ لېيپسىگ شەھىرى يېنىدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان، ئىككى تەرەپتىن ئۇرۇشقا سېلىنغان ئەسكىرىي كۈچ 500 مىڭدىن ئاشقان، بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ئادەم سانى فرانسىيىنىڭكىدىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇقراق بولغان. ئۇرۇش نەتىجىسىدە فرانسىيە قوشۇنىدىن 65 مىڭ ئادەم، بىرلەشمە ئارمىيىدىن 60 مىڭ ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىغان، فرانسىيە قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ، رېين دەرياسى تەرەپكە قاراپ چېكىنگەن. بۇ ناپولېئون قوزغىغان ئۇرۇشلار ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىرلەشمە ئۇرۇش بولۇپ، ناپولېئوننىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا بەربات بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

لېيپسىگ سوتى

  • لېيپسىگ سوتى[يەشمىسى:] «رېيخىستاگغا ئوت قويۇش دېلوسى» غا قارالسۇن. 

لىبېرالىستلار پارتىيىسى

  • لىبېرالىستلار پارتىيىسى[يەشمىسى:] (1) ئەنگلىيە بۇرژۇئا پارتىيىسى. تەكتى خۇيگ پارتىيىسى. بۇ نام 1832-يىلى پارلامېنت ئىسلاھاتىدىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان. سودا-سانائەت بۇرژۇئازىيىسى ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي تۈۋرۈكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەنگلىيىدە ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كې-يىنكى يېرىمىدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بىلەن بىللە ئەڭ چوڭ پارتىيە ھېسابلانغان. مەزكۇر پارتىيىنىڭ داھىيسى گلادستون ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ تۆت قېتىم كابىنېت تەشكىل قىلغان (4781 - 8681، 5881 - 0881، - 6881، 4981 - 2981). 1886-يىلى ئېرلاندىيە ئاپتونومىيە قانۇنى لايىھىسى مەسىلىسى ئۈستىدە بۆلۈنۈش بولغان. جوسېف چېمبېرلىن قاتارلىقلار دەسلىپىدە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلاشقان. ئىشچىلار پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ كۈچى تېخىمۇ ئاجىزلاپ كەتكەن. 1924-يىلدىن كېيىن ئورنىنى ئىشچىلار پارتىيىسى ئىگىلىگەن. 1931-يىلى 10-ئايدا ماكدونالد مىللىي ھۆكۈمىتىنى قوللاش مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىرلەشمە كابىنېتقا قاتناشقان، ئۇرۇشتىن كېيىن ئەنگلىيە سىياسىي سەھنىسىدە زور تەسىرى بولمىغان. (2) ئامېرىكىدىكى قۇللۇقنى بىكار قىلغۇچىلاردىن تەشكىل قىلىنغان سىياسىي گۇرۇھ. 1840-يىلى دوگلاس بىلەن ئاكا-ئۇكا تاپان (Tappan) باشچىلىقىدىكى قۇللۇقنى بىكار قىلغۇچىلار قۇرغان، ئۇلار قانۇنلۇق كۈرەش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ قۇللۇقنى بىكار قىلىش ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان بولسىمۇ، غەلىبە قىلالمىغان. 1848-يىلى ئەركىن تۇپراق پارتىيىسىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. (3) ياپونىيە ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى مەزگىلىدىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك پارتىيە. 1881-يىلى ئۆكتەبردە قۇرۇلغان. ئىتاگاكى تايسۇكې لىدېر، ناكاجىمانوبۇيۇكې مۇئاۋىن لىدېر بولغان. ئەزالىرى دەسلىپىدە 100 دىن ئارتۇقراق بولۇپ، كېيىن كۆپىيىپ 2500 گە يەتكەن. «ئەركىن ئاخبارات» نى چىقىرىپ، ۋاسسال ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، پارلامېنت تەسىس قىلىش، يەر بېجىنى كېمەيتىش ۋە شەرتنامىلەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرگەن. ھۆكۈمەتنىڭ رەھىمسىز باستۇرۇشى ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رادىكاللىق ھەرىكىتى، پارتىيە رەھبەرلىك گۇرۇھىنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىشى سەۋەبىدىن، 1884-يىلى 10-ئايدا تارقىتىۋېتىلگەنلىكى جاكارلانغان. (4) مېيجى دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ياپونىيە پارتىيىسى. 1890-يىلى ئوئى كېنتاروقاتارلىقلار ئاساسىي قانۇنلۇق لىبېرالىستلار پارتىيىسىنى ئۇيۇشتۇرغان. 1891-يىلى لىبېرالىستلار پارتىيىسى دەپ ئۆزگەرتكەن. 1898-يىلى تەرەققىيپەرۋەر پارتىيىسى بىلەن قوشۇلۇپ، ئاساسىي قانۇنلۇق پارتىيىنى قۇرغان. ئۇزاققا قالماي بۇ پارتىيە بۆلۈنۈپ، ئەسلىدىكى لىبېرالىستلار پارتىيىسىدىكىلەر قايتىدىن ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي پارتىيىسىنى، ئەسلىدىكى تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسىدىكىلەر قايتىدىن ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي مەركىزىي پارتىيىسىنى قۇرغان. 1900-يىلى ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي پارتىيە تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلاپ، ئاساسىي قانۇنلۇق مەسلەكداشلار جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. (5) ياپونىيىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى. 1945-يىلى 11-ئايدا توياما ئىچىدو قاتارلىقلار ياپونىيە لىبېرالىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1949-يىلى 3-ئايدا دېموكراتلار پارتىيىسىدىن ئايرىلىپ چىققۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، دېموكرات لىبېرالىستلار پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن. 1950-يىلى 3-ئايدا دېموكراتلار پارتىيىسى بىرلەشكۈچىلەر گۇرۇھىنى قوبۇل قىلىپ، نامىنى لىبېرالىستلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتكەن. 1955-يىلى 11-ئايدا ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن قوشۇلۇپ ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرغان. 

لىپمان

  • لىپمان[يەشمىسى:] (Walter Lippmann، 4791 - 9881). ئامېرىكىلىق ئاخبارات خادىمى. تەھرىر ۋە مەخسۇس ستون يازغۇچىسى. 1914-يىلى «يېڭى جۇمھۇرىيەت» ژۇرنىلى نەشىر قىلىنغاندا مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولغان. 1391 - 1291-يىللىرى «نيۇ-يورك پېشۋا مۇنبەر گېزىتى» گە مەخسۇس ستون ماقالىلىرىنى يېزىش بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇ، روزۋېلتنىڭ «يېڭى سىياسىتى» نىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىر تۈركۈم قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى. دىپلوماتىك ئىشلارغا دائىر ماقالىلىرى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك سىياسىتىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ: «ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش قىلىشىدىكى مەقسىتى»، «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر»، «كوممۇنىزم دۇنياسى بىلەن بىزنىڭ دۇنيا»، «غەربنىڭ بىرلىشىشى ۋە ئورتاق بازار» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» ناملىق كىتابى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دېگەن بۇ ئىبارە كەڭ دائىرىدە قوللىنىلغان. 

لى تو

  • لى تو[يەشمىسى:] (5291 - 4781) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى (0191 - 7091). ئۆلگەندىن كېيىن بېرىلگەن نامى چۈنزۇڭ. گاۋزۇڭنىڭ 2-ئوغلى، خانىكە مېنفېدىن تۇغۇلغان. پادىشاھ گاۋزۇڭ 1907-يىلى گائاگاغا مەخپىي ئەلچى ئەۋەتىپ، چاۋشيەننىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغداپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغىغان. پادىشاھ نائىلاج تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، لىتو تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. يىل نامىنى لوڭشىغا ئۆزگەرتكەن. شۇ يىلى ياپونىيە چاۋشيەننى «كورىيە-ياپونىيە كېلىشىمى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ياپونىيە چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. چاۋشيەن ئاتاقتا مۇستەقىل بولغان. 1910-يىلى ياپونىيە چاۋشيەننى ئۆزىگە قوشۇۋالغان، لى جەمەتى سۇلالىسى مۇنقەرز بولغان، ياپونىيە چاۋشيەن خان جەمەتىنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن، لىتونى ماسانورې مىياكانې خان دەپ ئاتىغان. 

لىتۋىنوۋ

  • لىتۋىنوۋ[يەشمىسى:] (Максим Максимович Литвинов، 1591 - 6781) سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى. خىزمەتچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1898-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1901-يىلى قولغا ئېلىنغان، ئىككىنچى يىلى 11 نەپەر «ئىسكرا» چىلار بىلەن بىرگە تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ، ئۇزاق ۋاقىت چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. پارتىيىنىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، بولشېۋىكلار تەرىپىدە تۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئانتانتا دۆلەتلىرى سوتسىيالىستىلىرىنىڭ لوندون قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، لېنىنىزملىق لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى چىققان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. 1921-يىلى تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى بولغان. 9391 - 0391-يىللىرى تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى بولغان. 3491 - 1491-يىللىرى تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى، قوشۇمچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. 6491 - 3491-يىللىرى تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسىنىڭ 17-، 18-قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئۇنىڭ «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 7491 - 7391-يىللىرىدىكى تاشقى سىياسىتى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

لى جىن

  • لى جىن[يەشمىسى:] (6771 - 4961) چاۋشيەن لى سۇلالىسى پادىشاھى (6771 - 4271). مۇبارەك نامى يىڭ زۇ. سوزوڭنىڭ 2-ئوغلى. 1699-يىلى يەنچى بېگى قىلىپ تەيىنلەنگەن. ئانا باشقا ئاكىسى جىڭزۇڭنىڭ تەخت ۋارىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، 1721-يىلى خان ئىنى قىلىپ تەيىنلەنگەن. ئۇ خان ئىنى بولغان مەزگىلدە پادىشاھقا ۋەكالىتەن دۆلەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئاقساقاللار گۇرۇھىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن، كەنجى ئاقساقاللار گۇرۇھىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇ تەختكە چىققان دەسلەپكى چاغلاردا كەنجى ئاقساقاللار گۇرۇھىدىن بولغان لوخۇلوڭ، جىن يىجىن ماجىراسىنى قوزغاپ، ئۆكتىچىلەرگە زەربە بەرگەن. كېيىنچە ئۇ، ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئاقساقاللار گۇرۇھى بىلەن كەنجى ئاقساقاللار گۇرۇھىدىن تەڭ پايدىلىنىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرانى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتكەن. ئەمما بۇ خىل زىددىيەت ئىنتايىن چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، 1728-يىلى يەنىلا لى لىنزۇ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ توپىلىڭى يۈز بەرگەن. ئۇ، باج-سېلىقنى تەڭشەش قانۇنى قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان ھەمدە مەرىپەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن. «شەرق دۆلىتىنىڭ يازما ھۈججىتىگە ئىزاھات»، «بەش ئەدەب قائىدىنىڭ داۋامى» ۋە «قامۇسنامىنىڭ داۋامى» قاتارلىقلارنى نەشىر قىلدۇرغان. 

لى چاڭجې

  • لى چاڭجې[يەشمىسى:]5011 - 9101) ۋيېتنام لى سۇلالىسى رېنزۇڭ دەۋرىدە ئۆتكەن نائىب ئەمىرى (ۋەزىرى) پايتەخت شىڭلوڭ (ھازىرقى خانوي) لىق. سىپاھگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1075-يىلى (سوڭشىڭنىڭ 8-يىلى) زوڭشەن بىلەن بىرلىكتە قوشۇن باشلاپ جۇڭگونىڭ گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىرىگە كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇپ كىرىپ، چىنجۇ، چيەنجۇ، يۇڭجۇ قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىۋالغان. يۇڭجۇ ئاھالىسىدىن 58 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى ئۆلتۈرگەن. چىنجۇ ۋە چيەنجۇ ئايماقلىرىدا ئۆلگۈچىلەرنى قوشقاندا نەچچە يۈز مىڭغا يېتىپ ئىنتايىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سالغان. ئىككىنچى يىلى سۇڭ سۇلالىسى قايتۇرما زەربىگە ئۆتۈپ، ۋېيتنام ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، لى سۇلالىسى پايتەختىگەقىستاپ كەلگەن. لى رېنزۇڭ تۆلەم تۆلەپ تەسلىم بولغان. كېيىن يەنە 1069-يىلى جەنۇبتا كامپا-پوراغا تاجاۋۇز قىلىپ كامپا-پورانى بوجىڭ، مالىڭ، دېلى قاتارلىق ئۈچ ئايمىقىنى كېسىپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ، لى سۇلالىسى زېمىنىنى ھازىرقى گۇاڭپىڭ، گۇاڭجىژ رايونلىرىغا قەدەر كېڭەيتكەن. 

لىچچاۋى خاندانلىقى

  • لىچچاۋى خاندانلىقى[يەشمىسى:] (Lichchhavis) نېپالدىكى قەدىمكى خاندانلىق. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردە بەرپا قىلىنغان. براخمى دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. بۇددا دىنىغىمۇ ئېتىقاد قىلغان. پادىشاھ ئامۇسۇۋارما تەختتىكى مەزگىلدە، ئىقتىسادىي، مەدەنىيىتى راۋاجلانغان، جۇڭگونىڭ تىبەت رايونى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن جەنۇبىي ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى سودا-مال ئالماشتۇرۇش مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى جۇڭگودىكى تاڭ سۇلالىسىگە كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن، تاڭ سۇلالىسى ئەلچىسى ۋاڭ شۇەنسۇ نېپالنى ئۈچ قېتىم زىيارەت قىلغان. 

لى چىڭگۈي

  • لى چىڭگۈي[يەشمىسى:]1335 — 1408) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنى ق-ۇرغۇچى (8931 - 2931). تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىسمىنى دەن، تەخەللۇسىنى جۈنجىن، نامىنى سوڭشۇەن دەپ ئۆزگەرتكەن. ئۆلگەندىن كېيىن تەيزۇ دەپ نام بېرىلگەن. كەييۇەن ئۆلكىسى شۇاڭچىڭ ئومۇمىي باشقۇرۇش دىيارى (ھازىرقى خامگيوڭ-نامدو ۋىلايىتى يۇڭشىڭ ناھىيىسى خېبىشى يېزىسى) دا تۇغۇلغان. سىللالىق ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئاتىسى لى زىچۈن يەرلىك زومىگەر بولۇپ، شۇاڭچىڭ ئومۇمىي باشقۇرۇش دىيارىنىڭ مىڭ بېشى بولغان. 1356-يىلى كورىيە سۇلالىسى بۇ يەرگە ھۇجۇم قىلغاندا، لى زىچۈەن تەسلىم بولۇپ، شەرقىي شىمال تەرەپ لەشكەر بېشى بولغان. 1362-يىلى (پادىشاھ گۇڭمىننىڭ 11-يىلى) ئاتىسىنىڭ مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تۇمانگان، يالۇجياڭ دەرياسى ئەتراپىدا جورجىتلار بىلەن موڭغۇل قالدۇق كۈچلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى كۈرەش ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان. ئۇزاق ئۆتمەي پايتەختكە يۆتكىلىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن، كېيىن جەنۇبقا بېرىپ ياپونىيە قاراقچىلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىشىنى بېجىرگەن. 1371-يىلى ئىچكى ئىشلار ئامبىلى بولۇپ، سىياسىي پائالىيەتكە قاتناشقان.1388-يىلى (پادىشاھ شىنيۈنىڭ 14-يىلى) ئوردا ئوتتۇرانچى ياساۋۇل بېگى (كوراگان) بولغان. شۇ يىلى سول قول ئارمىيىسى باش بۇيۇرغا ئامبىلى بولۇپ، قوشۇن باشلاپ جۇڭگو مىڭ سۇلالىسى زېمىنى لياۋدۇڭغا ھۇجۇم قىلىپ، يالۇجياڭ دەرياسىدىكى ۋېخۇا ئارىلىغا يېتىپ كەلگەن. ساۋمىشيۈ بىلەن بىرلىشىپ، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، قوشۇن تارتىپ پايتەختكە قايتىپ، پادىشاھ شىنيۈنى تەختتىن قالدۇرۇپ، شىنچاڭنى ئورنىغا قويغان. ساۋمىشيۈ، جاۋجۈن قاتارلىقلارنى يادرو قىلىپ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن. ئىككىنچى يىلى شىنچاڭنى تەختتىن قالدۇرۇپ، گۇڭزۇڭنى پادىشاھ قىلغان. ئۆزى ئىشىكئاغا، ئوتتۇرانچى ياساۋۇل بېگى، ئۈچ تەرەپ ئارمىيىسى باش بوغىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، ھەربىي-مەمۇرىي ھوقۇقنى تەنھا ئىگىلىۋالغان. 1390-يىلى، كورىيە سۇلالىسىنىڭ جامائەت ۋە خۇسۇسىي يەر ھۈججەتلىرىنى بىكار قىلغان. 1391-يىلى يەر تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مەرتىۋە يەر قانۇنىنى يولغا قويۇپ، ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئاساس سالغان. 1392-يىلى پادىشاھ گۇڭزۇڭنى قالدۇرۇپ، ئۆزى پادىشاھلىق تەختىگە چىقىۋالغان. ئىككىنچى يىلى دۆلەت نامىنى چاۋشيەنگە ئۆزگەرتكەن. 1394-يىلى پايتەختنى خەنياڭ (ھازىرقى سېئول) غا يۆتكىگەن. تەختتىكى مەزگىلىدە ئالتە ئىقتىسادىي قانۇننى تۈزۈپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن؛ ئارمىيىنى تەرتىپكە سېلىپ، خۇسۇسلار قوشۇنىنى بىكار قىلغان؛ «بۈيۈك مىڭ سۇلالىسى قانۇن-نىزاملىرىغا سۆزمۇ سۆز ئىزاھات» ناملىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو مىڭ سۇلالىسى تۈزۈملىرىگە تەقلىد قىلىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن؛ شەرقىي شىمال تەرەپتىكى ئايماق-ناھىيىلىرىنى بېكىتىپ چىقىپ، ئۇلارنى تەۋەسىگە كىرگۈزۈۋالغان؛ مىڭ سۇلالىسى بىلەن دوستانە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن. 1398-يىلى پادىشاھ تەخت ۋارىسىنى تاللاپ بېكىتىش ماجىراسى تۈپەيلىدىن جېڭ داۋچۈەن توپىلىڭى يۈز بېرىپ، كېيىن تەختنى ئىككىنچى ئوغلى لى فاڭگو (دىڭزۇڭ) غا بوشىتىپ بېرىپ، ئۆزىنى شاھىنشاھ دەپ ئېلان قىلغان. 

لى خۇەن

  • لى خۇەن[يەشمىسى:] (5001 - 149) ۋېيتنامنىڭ ئالدىنقى لى سۇلالىسىنى قۇرغۇچى. ئەيجۇلۇق. ئەسلى دىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى — ئون ئۆلكە قوشۇنىنىڭ سانغۇنى. 979-يىلى، دىڭ بۇلىڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەن ئوغلى دىڭ شۇەننى پادىشاھ قىلىپ تۇرغۇزغان، ئۆزى ئورۇنباسار خان بولۇپ، ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن. 980-يىلى ئۆزى پادىشاھ بولۇۋېلىپ، يىلنامىنى تيەنفۇ قىلىپ ئۆزگەرتكەن. ئىككىنچى يىلى سۇڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان، كېيىن سۇڭ سۇلالىسى بىلەن يارىشىپ، سۇڭ سۇلالىسى ئۇنى جاۋجى ۋىلايىتىنىڭ ۋاڭى قىلىپ تەيىنلىگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە نەنپىڭۋاڭ قىلىپ ئۆستۈرگەن. ھۆكۈم سۈرگەن چاغدا قانال قېزىپ، ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرغان. ئۆزىنىڭ 11 ئوغلىنى ۋاڭ قىلىپ تەيىنلەپ، ھەرقايسى جايلارنى مۇھاپىزەت قىلغان. 1002-يىلى مەملىكەت بويىچە ئون ئۆلكىنى ۋىلايەت، ئايماق، مەھكىمە قىلىپ ئۆزگەرتكەن. ۋاڭلارنىڭ ئىچكى تالاش-تارتىشى، يەرلىك مۇشتۇمزورلارنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشى، دېھقانلارنىڭ قوزغىلىڭى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلىدىن دۆلەتتە داۋالغۇش بولۇپ، تەرەپ-تەرەپتە دەھشەتلىك باستۇرۇش ئېلىپ بارغان. سىرتقا قارىتا 982-يىلى جەنچىڭغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇنىڭ پايتەختى يىنتولوپولونى ئىشغال قىلىپ، تالان-تاراج قىلغان. ئۆلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سانغۇن لى گوڭيۈن (1009-يىلى) لى سۇلالىسىنى بەرپا قىلغان، ئالدىنقى لى سۇلالىسى مۇنقەرز بولغان. 

لىدې

  • لىدې[يەشمىسى:] (Lide) ھىندۇنېزىيىنىڭ قەدىمكى شەھىرى. سوماترا ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. لامۇرى دۆلىتى، ناگۇر دۆلىتى بىلەن قوشنا. سوماترا دۆلىتىگە قارىغان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، سوماترا دۆلىتىنىڭ ئەلچىسى بىلەن بىللە جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. 

لىدىيە

  • لىدىيە[يەشمىسى:] (Lydia) كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىدىكى قەدىمكى دۆلەت. لىدىيىلىكلەر مىسىيە (Mysia، شىمالدا) بىلەن كارىيە (Caria، جەنۇبتا) ئوتتۇرىسىدىكى رايونلاردا مەيدانغا كېلىپ، ئېگېي دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى يۇنان شەھەرلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولغان. ئالتۇن-كۈمۈشى ۋە بايلىقىنىڭ موللۇقى بىلەن مەشھۇر. تەخمىنەن مىلادىدىن مىڭىنچى يىللارنىڭ باشلىرىدا دۆلەت قۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ — Ⅶ ئەسىر مەزگىللىرىدە، سىممېرىئانلار (Simmerians) بىلەن فراكىيىلىكلەرنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش داۋامىدا مېرمىنادا (Mermnadae) سۇلالىسىنى قۇرۇپ، ساردېسنى پايتەخت قىلغان. مىلادىدىن 665-يىل ئىلگىرى پادىشاھ ئاردىس (Ardys) ئاسسۇرىيىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، سىممېرىئانلارنى يېڭىپ، زېمىنىنى شەرقتە پرىگىيە (Phrygia) گىچە، غەربتە ئېگېي دېڭىزىغىچە كېڭەيتىپ، كىچىك ئاسىيا دېڭىز بويلىرىدىكى كۆپلىگەن يۇنان شەھەرلىرىنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان. مىلادىدىن 591-يىل ئىلگىرىدىن باشلاپ، مېدىيە (ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىدە) بىلەن كىچىك ئاسىيا رايونلىرىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىپ، ئۇدا بەش يىل ئۇرۇش قىلغان، كېيىن كۈن تۇتۇلۇش (ھېرودوتنىڭ خاتىرىلىشىچە، يۇنان پەيلاسوپى تېلېس بۇ قېتىمقى كۈن تۇتۇلۇشنىڭ مىلادىدىن 585 يىل ئىلگىرى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى بولىدىغانلىقىنى توغرىلىق بىلەن ئالدىن خەۋەر بەرگەن) سەۋەبىدىن يارىشىپ قالغان. ئىككى تەرەپ تۈزگەن شەرتنامىدە ھاررىس دەرياسىنى دۆلەت چېگرىسى قىلىش، پادىشاھ ئالىئات (Alyattes) قىزىنى مېدىيە شاھزادىسىگە ياتلىق قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش بەلگىلەنگەن. مىلادىدىن 546 يىل ئىلگىرى، ئاخىرى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى كىروئىس تەرىپىدىن يوقىتىلغان، پادىشاھ كرۇس ئەسىرگە چۈشكەن، پادىشاھلىق پېرسىيە زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. لىدىيە شەرق بىلەن غەربنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقتىن، قول سانائەت ۋە سودا خېلى تەرەققىي قىلغان، تارىختا ئەڭ بۇرۇن پۇل قۇيغان دۆلەت دېيىلمەكتە. 

لى زىچيەن

  • لى زىچيەن[يەشمىسى:] چاۋشيەن كورىيە خاندانلىقى شونزۇڭ، رۇيزۇڭ، رېنزۇڭ سۇلالىرىنىڭ شىرەم تۇغقىنى ۋە زالىم ۋەزىر. بوۋىسى لى زىيۇەن، ۋېنزۇڭنىڭ شىرەم تۇغقىنى بولۇپ، ئىشىكئاغا ۋە ھەرەم يانداش ئامبىلى بولغان. ئۇ نەسەب، جەمەت شۆھرىتىگە تايىنىپ تۇرۇپ، ئېسىلزادە تۆرىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. سىڭلىسى پادىشاھ شۈنزۇڭنىڭ خانىكىسى بولغان. شۈنزۇڭ پادىشاھ ئۆلگەندىن كېيىن بىر مەزگىل مەنسىپىدىن قالدۇرۇلغان. رۇيزۇڭ پادىشاھ دەۋرىگە كەلگەندە ئىككىنچى قىزىنى خانىشلىققا بېرىپ، قايتا ھوقۇق تۇتقان. رۇيزۇڭ پادىشاھ ئۆلگەندىن كېيىن شاھزادىنى تەختكە چىقىرىپ، ئۇنىڭغا رېنزۇڭ دەپ نام بەرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ تۆھپەم بار دەپ مەغرۇرلىنىپ، كۈنسايىن ئۆكتەملەشكەن. ئۇ يەنە ئۈچىنچى، تۆتىنچى قىزلىرىنى خانىش قىلىپ ئوردىغا كىرگۈزۈپ، ئۇرۇغ-تۇغقان، جەددى-جەمەتلىرىنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇپ، باشقىلارنى چەتكە قاققان. مەنسەپ-مەرتىۋە سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. ئومۇم ئىشىدا پارا يېگەن، پۇقرالارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋالغان. ئۇ يەنە سۇڭ سۇلالىسىگە خۇسۇسىي ئەلچى ئەۋەتىپ سىپاھگەرلىك ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن مەلۇماتىم كۆپ دەپ كۆرەڭلىگەن. 1126-يىلى (رېنزۇڭنىڭ 4-يىلى) 2-ئايدا، ھەرەم ئاغىسى جىنسەن، ھۈدەيچى، زوراغا جى لۇيەن، ئالىي سانغۇن سۈيجۇ قاتارلىق كىشىلەر ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاپ ئىشقا ئاشۇرالمىغان. لى زىچيەن توجۇنجېڭ بىلەن بىرلىكتە ئەسكەر يۆتكەپ پادىشاھ ئوردىسىنى قورشاپ، ئۇنىڭغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. قارشى كۈچلەرنىمۇ قىرىپ تاشلىغان. كېيىن توجۇنجېڭ بىلەن ئارازلىشىپ قالغان، شۇ يىلى مايدا رېنزۇڭ تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، لىڭگۇاڭغا (پوللا-نامدو ۋىلايىتى) گە پالانغان. 

لى سۇلالىسىنىڭ ئوردا خاتىرىلىرى

  • لى سۇلالىسىنىڭ ئوردا خاتىرىلىرى[يەشمىسى:] چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ يىلنامە تارىخىي كىتابى. لى سۇلالىسى مەزگىلىدە ئوردىدا تارىخ سارىيى قۇرۇلۇپ، ئەينى دەۋردىكى سىياسىي ۋەقەلەر خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭغا تارىخچىلار يازغان تارىخنامىلەر (خان پادىشاھ تارىخلىرى) قوشۇلۇپ، ئوردا خاتىرىسىنى يېزىپ چىقىشتىكى ئاساسىي تارىخىي ماتېرىيالى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە تەيزۇ (8931 - 2931-يىللىرى تەختتە بولغان) دىن باشلىنىپ جېزۇڭغىچە (1849 - 1863-يىللىرى تەختتە بولغان) 26 ئەۋلاد پادىشاھنىڭ ئوردا خاتىرىلىرى تۈزۈپ چىقىلىپ، 1708 جىلد تارىخ تۈزۈپ چىقىلغان. ياپونىيىنىڭ تىزگىنلىشى ئاستىدا، لى ۋاڭجى، گاۋزۇڭ (1863 - 1907-يىللىرى تەختتە بولغان)، چۈنزۇڭ (1907 - 1910-يىللىرى تەختتە بولغان) لارنىڭ ئوردا خاتىرىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ يېزىپ چىققان. بۇلار جەمئىي 1893 جىلد بولغان. تەختتىن قالدۇرۇلغان. لۇشيەنجۈن، يەنشەنجۈرون، گۇاڭخەيجۈندىن ئىبارەت ئۈچ خاندانلىقنىڭ «تارىخىي خاتىرىسى» دەپ ئاتالغان. ئەمما ئۇنىڭ مەزمۇن، شەكلى ئوردا خاتىرىسى بىلەن تامامەن ئوخشاپ كېتىدۇ. لى سۇلالىسىنىڭ ئوردا خاتىرىلىرى — لى سۇلالىسىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدىكى ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى، جۇڭگودىكى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ دسلەپكى مەزگىلىدىكى تارىخى، شۇنىڭدەك ھەرقايسى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئومۇمەن مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

لى سۈەن

  • لى سۈەن[يەشمىسى:]0081 - 2571) چاۋشيەن لى سۇلالىسى پادىشاھى (0081 - 6771). ئۆلگەندىن كېيىن بېرىلگەن نامى جېڭزۇڭ، 1899-يىلى جېڭزۇ دەپ ئۆزگەرتىلگەن. تەختتىكى مەزگىلىدە كۈچىنىڭ بارىچە گۇرۇھلار كۈرىشىنى بېسىقتۇرغان، بىراق تۈپتىن يوقىتالمىغان. مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ئىلھام بېرىپ، كىتابخانا تەسىس قىلىپ، ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى كىتابلارنى ساقلاتقان. ھەرپ قۇيدۇرۇپ «شەرق ئېلى يازما ھۈججەتلىرى ئىزاھاتىغا تولۇقلىما»، «قامۇس ئومۇمىي توپلىمىنىڭ داۋامى»، «چاۋشيەن قىممەتلىك ئۆرنىكى» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كىتاب-ھۈججەتلەرنى رەتلەپ نەشىر قىلدۇرغان. ئەمەلىي ئۆگىنىشكە ئىلھام بەرگەنلىكتىن، دىڭ رويوڭ، پىياۋجيۇەن قاتارلىق ئەمەلىي ئىلىم تەرەپدارى ئالىملىرى مەيدانغا كەلگەن. 

لىسېنكو

  • لىسېنكو[يەشمىسى:] (Трофим Денисович Лысенко، 6791 - 8981) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ئاگرونوم. ئوكرائىنادا بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1925-يىلى كېيۋ يېزا ئىگىلىك تېخنىكۇمىنى پۈتتۈرگەن. 1935-يىلى ئودىسسا ئۆسۈملۈك ئىرسىيەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1938-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى لېنىن يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1956-يىلى ۋەزىپىسىدىن قالغان. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ باسقۇچلۇق يېتىلىش نەزەرىيىسى، كۈزگى بۇغداينى يازغى بۇغدايغا ئايلاندۇرۇشتا خۇسۇسىيەتكە ئېرىشتۈرۈش ئىرسىيەت نەزەرىيىسى، بىر خىل تۈرنىڭ يەنە بىر خىل تۈرگە قاراپ سەكرەشتىكى تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ نۇقتىئىنەزەرىنى ۋە كۆز قاراشلىرىنى«مىچۇرىن ئىرسىيەتشۇناسلىقى» دەپ ئاتىغان؛ گېن نەزەرىيىسىنى «ئەكسىيەتچىل»، ئىدېئالىستىك نەزەرىيە قىلىپ قويۇپ، مورگان ئېقىمىنى چەتكە قاققان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىلمي ماقالىلىرى «دېھقانچىلىق بىئولوگىيىسى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن. 

لىسىئاس

  • لىسىئاس[يەشمىسى:]Lysias، مىلادىدىن ئىلگىرى 450 — 380) قەدى-مكى يۇنان دەۋرىدىكى. ناتىق ئافىنادا باي ئائىلىدە تۇغۇلغان، دادىسى كېپالۇس (Cepbalui) سىتسىلىيە ئارىلىدىكى سىراكۇزى (Siracusi) شەھىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن (پېرىكلى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغاندا) كۆچمەن. 15 ياش ۋاقتىدا قېرىندىشى قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى تۇرى (Thuurii) شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ، ئىككى سىراكۇزىلىق ئىككى ئالىمدىن تەلىم ئالغان، كېيىن تۇرى شەھىرىدە ھۆكۈمەت خىزمىتىدە بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئافىنالىقلارنىڭ سىتسىلىيىگە يۈرۈش قىلىشى مەغلۇپ بولۇپ (پېلوپوننېس ئۇرۇشىدا)، سپارتاپەرەستلەر تەرىپىدىن تۇرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، تەخمىنەن مىلادىدىن 412 يىل ئىلگىرى يەنە ئافىناغا كۆچۈپ كەلگەن. مىلادىدىن 404 يىل ئىلگىرى «30 لار» («30 تىران» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە تۈرمىگە ئېلىنىپ، مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان؛ كېيىن مېگاراغا قېچىپ كەتكەن ھەمدە دېموكرات تراسبۇلۇسنىڭ ئافىنادا ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشىگە ماددىي ياردەم بەرگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئافىنادا ماكانلىشىپ، كىشىلەرگە ئەرزنامە ۋە دەۋا خەتلىرىنى يېزىپ بېرىپ يۈرۈپمۇ، زادى پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئىگە بولالمىغان (مۇھاجىر پەرزەنتى بولغانلىقى ئۈچۈن). ھاياتىدا تەخمىنەن 230 پارچە نۇتۇق تېكىستى (ھەقىقىي بۇيۇم) يازغان بولۇپ، بۈگۈنگىچە پەقەت 34 پارچىسى ساقلىنىپ قالغان (بىر قىسمى تولۇق بولمىغان پارچىلار)، كۆپ قىسمىنى تۇرىدىن ئافىناغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن يازغان. ئۆلچەملىك ئاتىكا دىئالېكتىنى قوللىنىپ، ساپ، ساددا، يېقىملىق ئۇسلۇب بىلەن يېزىپ، كىشىلەرنىڭ كەڭ مەدھىيىسىگە ئىگە بولغان. 

لىسىپپوس

  • لىسىپپوس[يەشمىسى:] (Lysippos ياكى Lysippus، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىر) قەدىمكى يۇنانلىق ھەيكەلتىراش. سىكيوندا (Sicyon، جەنۇبىي يۇناندا) تۇغۇلغان، ئالېكساندر (ئىمپېراتور) بىلەن زامانداش. شەخسنىڭ خاسلىقىنى ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئادەم تېنى نىسبىتىدە باش قىسمىنىڭ كىچىك، بەدەننىڭ ئۇزۇن بولۇشىغا مايىل بولغان، ئادەم بەدىنىنى جانلىقلىق ۋە كۈچلۈك ئېلاستىكلىق قىياپەت بىلەن، كۆڭۈلدىكىدەك گۈزەل قىلىپ ياراتقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئالېكساندر پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ھەيكىلىنى ياساشقا رۇخسەت قىلغانىكەن. ئۇ كۆپ مەھسۇلاتلىق ھەيكەلتىراش بولۇپ، ئۇ ياسىغان ئالېكساندرنىڭ مىس ھەيكىلى ۋە مەرمەر ھەيكىلى مەشھۇر ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ يەنە ئالېكساندرنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، گرانىك دەرياسى ئۇرۇشى (ئالېكساندرنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشىدىكى تۇنجى مۇھىم جەڭ) دا ھالاك بولغانلارنىڭ ھەيكىلىنى قۇيۇپ چىققان. بۇنىڭدىن باشقا ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئۇتۇپ چىققانلارنىڭ ھەيكىلىمۇ بار ھەمدە زىۋىس، ھېراكلېس قاتارلىقلارنىڭ ھەيكەللىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىپ كەتكەن. ئاپوكيومېنۇس (Apoxyomenus) ھەيكىلىنىڭ مەرمەردىن قايتا ئىشلەنگىنى ھازىرغىچە رىم (ۋاتىكان) دا ساقلانماقتا. كېيىن ئۇنىڭ شاگىرتى (رودېس ئارىلىدىكى گارېس[يەشمىسى:] [Chares]قاتارلىقلار) ئۇنىڭ ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، «سىكيون ئىلمىي ئېقىمى» نى شەكىللەندۈرگەن. 

لىست

  • لىست[يەشمىسى:] (1) فرېدرىخ لىست Friedrich List، 6481 - 9871) گېرمانىيىلىك چاكىنا ئىقتىسادشۇناس. تارىخ ئىلمىي ئېقىمىنىڭ پېشۋاسى. 1817-يىلى تىبېنگىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1825-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ لېيېپسىگدا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان، ئۇ، گېرمانىيە سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، قوغداش چېگرا بېجىنى تەشەببۇس قىلغان، چېگرا بېجى ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى تەرغىب قىلغان ھەمدە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا ئارىلىشىشنى تەلەپ قىلغان. ئەنگلىيە كلاسسىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىرى تەشەببۇس قىلغان كوسموپولىتىزمغا قارشى چىققان. ئۇ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىپ،«مەنىۋى كاپىتال» — دۆلەت تۈزۈمى، قانۇن، دىن، ئىلىم-پەن كەشپىياتلىرى ۋە سەنئەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى قاتارلىق مەنىۋى ئامىللارنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى دەپ ھېسابلىغان؛ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى مىللىي بايلىقنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى دەپ قارىغان. جەمئىيەت تەتقىقات تارىخىنى ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق، يېزا ئىگىلىك — سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك — سودا — سانائەتتىن ئىبارەت بەش تارىخىي باسقۇچقا بۆلگەن. ئۇ، شوۋىنىزم ئىدىيىسى بىلەن كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى تەرغىپ قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ ياۋروپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن، ئۇرۇشنى «مىللىي رىغبەتلەندۈرۈش» دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ بەزى نۇقتىئىنەزەرلىرىدىن كېيىن ئەكسىيەتچىل جۇغراپىيە سىياسىي ئېقىمىدىكىلەر پايدىلىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق: «ئامېرىكا سىياسىي، ئىقتىسادشۇناسلىق تېزىسلىرى»، «سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ مىللىي سىستېمىسى» ناملىق ئەسەرلىرى بار. (2) لىست فرانىس Liszt- Frencz، 1811 - 1886) ۋېنگرىيىلىك كومپوزىتور، رويالچى ۋە دىرىژور. گۆدەك چېغىدىن تارتىپ ئاتىسىغا ئەگىشىپ يۈرۈپ مۇزىكا ئۆگەنگەن.1821-1823-يىللىرى ۋېنادا ئوقۇغان. كېيىن پارىژغا بېرىپ سېن-سىموننىڭ خىيالىي سوتسىيالىزم ۋە رومانتىزم ئىدىيە ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. 1848-يىلدىكى ئىنقىلابتىن بۇرۇن، بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىغا قىزغىنلىق بىلەن تەلپۈنگەن، مىللىي مۇستەقىللىككە تەشنا بولغان ھەمدە 1831-يىلى ۋە 1834-يىللىرىدىكى لېئان ئىشچىلىرى قوزغىلىڭىغا ھېسداشلىق قىلغان. ئىنقىلاب مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن، پاسسىپ ئۈمىدسىزلىنىپ، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 1848-يىلدىن باشلاپ ئوردا ئوركېستىرى باشلىقى بولغان. 1861-يىلى رىمغا كۆچۈپ كەلگەن. 1865-يىلى ۋاتىكاندا چېچىنى كەستۈرۈپ مۇناخ بولغان، بىراق يەنىلا مۇزىكا ئىجادىيىتى ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. 1875-يىلى بۇداپىشت مۇزىكا ئىنستىتۇتىنى بەرپا قىلىپ، مەكتەپ مۇدىرى بولغان. ئىجادىيەتتە «ئەدەبىيات مۇزىكا ئىچىدە بولىدۇ» دېگەننى تەشەببۇس قىلغان، تۇنجى سىمفونىيىلىك پوئېما ژانىرىنى ياراتقان؛ ئەسەرلىرىدە ۋېنگرىيە خەلق ناخشىلىرىنى كۆپرەك ئۆزىگە خام ماتېرىيال قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «تاسو»، «ۋېنگرىيە»، «باشلىنىش مۇزىكىسى»،«ئىلاھ دانىتې كۈيى»، «فائوسد»، «ۋېنگرىيە راسودىسى»، «لېئون» قاتارلىقلار، شۇنىڭدەك تەڭكەش قىلىپ چېلىنىدىغان مۇزىكا، پىئانىنو بىلەن ئورۇنلىنىدىغان يالغۇز كىشىلىك مۇزىكا ۋە قايتا ئىشلىگەن مۇزىكىلىرى بار. ئۇنىڭ يەنە «شوپىن»، «ۋېنگرىيە سىگانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مۇزىكىسى» ناملىق ئىككى پارچە كىتابى ۋە مۇزىكا ئوبزورلىرىمۇ بار. 

لىسىنمان

  • لىسىنمان[يەشمىسى:] (5691 - 5781) جەنۇبىي چاۋشيەن «زۇڭتۇڭى»(1948-1960). تەخەللۇسى يۈنەن. خۇاڭخەيدو ۋىلايىتى پيوڭسانلىق. 1894-يىلى سېئول خادىم يېتىشتۈرۈش مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1898-يىلى يېڭىلىققا كۆچۈش سىياسىي پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. 1904-يىلى تۈرمىدىن چىقىپ ئامېرىكىغا بېرىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ۋاشىنگتون، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان ھەمدە پرىستون ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئالغان. 1910-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خرىستىئان ياشلار ئۇيۇشمىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا ياپونىيىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ قولغا ئېلىنغان. ئامېرىكىلىق مىسسىئونېرلارنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىشى بىلەن 1912-يىلى قويۇپ بېرىلىپ، يەنە ئامېرىكىغا كەتكەن. 1914-يىلى ھاۋاي ئارىلىدا «تىنچ ئوكياندىكى كورىيە» ناملىق ژۇرنال چىقىرىپ، ياپونىيىگە قارشى ئىدىيىنى تەشۋىق قىلغان. 1919-يىلى 4-ئايدا جۇڭگونىڭ شاڭخەيدە «كورىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» قۇرۇلغاندا، زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. 1921-يىلى ئىچكى قورساق ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدا مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1945-يىلى ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، 10-ئايدا چاۋشيەنگە قايتىپ كەلگەن. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئوڭچى كۈچلەرنى توپلاپ كومپارتىيىگە قارشى ئامېرىكىپەرەس لۇشيەن يۈرگۈزۈشىگە ھەمكارلاشقان. 1948-يىلى 8-ئايدا «بۈيۈك كۇرىيە مىللىي دۆلىتى» نى قۇرۇپ، ئۆزى تۇنجى «زۇڭتۇڭ» بولغان. 1950-يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ قوللىشى بىلەن چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش قوزغىغان. ئىچكى جەھەتتە فاشىستىك ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. 1960-يىلى پارا بېرىش ۋە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ 4-قېتىم «زۇڭتۇڭ» بولۇپ سايلانغان، بىراق، جەنۇبىي چاۋشيەن خەلقىنىڭ ئىستىبداتلىققا قارشى سىياسىي كۈرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان. 5-ئايدا ھاۋاي ئارىلىغا قېچىپ كەتكەن، كېيىن شۇ جايدا ئۆلگەن. 

لىسنى قانۇنى

  • لىسنى قانۇنى[يەشمىسى:] «لىسنى-سېكىستى قانۇنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بىر خىل قانۇن. مىلادىدىن 376 يىل ئىلگىرى، لىسنى (Gaius Licinius Calvus Stolo) بىلەن سېكىستى (Lucius Sextius) خەلق ترىبونى بولۇپ، ئاددىي خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، بىر قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: پۇقرالارنىڭ «جامائەت يېرى» (دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەر) نى ئۆزلەشتۈرۈشكە ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىغا يول قويۇش، ئەمما ئۆزلەشتۈرگەن يېرىنىڭ مىقدارى 500 سېنتۇر (بىر سېنتۇر تەخمىنەن 1/4 گېكتارغا توغرا كېلىدۇ) دىن ئاشماسلىق، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ «جامائەت يېرى» نى ئىگىلىۋېلىشىغا چەك قويۇش؛ ئاددىي خەلق ئۈستىدىكى قەرزدىن ئۆسۈم ئېلىشنى بىردەك توختىتىش، تۆلەپ بولغان ئۆسۈمىنى قەرز پۇل دىرىگە ھېسابلاش، تېخى تۆلەپ بولالمىغان قەرزىنى ئۈچ يىلغا بۆلۈپ قايتۇرۇشقا يول قويۇش، ئەمەلىيەتتە ئەسلىدىكى قەرزلەرنى بىكار قىلىش ياكى ئاساسەن بىكار قىلىش، بىر مەھەل ئۈزۈلۈپ قالغان، يىلدا ئىككى نەپەر كونسۇل سايلاپ چىقىش تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنى ئاددىي خەلقتىن سايلاشتىن ئىبارەت. بۇنىڭغا ئاقسۆڭەكلەر قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن، ئاددىي خەلقنىڭ قوللىشى بىلەن لىسنى بىلەن سېكىستى ئۇدا ئون قېتىم خەلق ترىبونى قىلىپ سايلانغان، قانۇن لايىھىسىنىمۇ ئۇدا ئون يىل ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاخىرى مىلادىدىن 367 يىل ئىلگىرى ماقۇللاتقان. سېكىستى مىلادىدىن 366 يىل ئىلگىرى كونسۇل بولۇپ سايلانغان. بۇ ئاددىي خەلقلەرنىڭ ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى مۇھىم بىر غەلىبىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

لى شۈنچېن

  • لى شۈنچېن[يەشمىسى:] (1545-1598) چاۋشيەنلىك مەشھۇر ۋەتەنپەرۋەر گېنېرال. ئىسمى زوشې. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئەسلى يۇرتى كېنگى ۋىلايىتى كائىسوڭ ناھىيىسىدىكى دېشۇي. سېئولدا تۇغۇلغان. دۆلەت ھەربىي ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. 1591-يىلى سىللا سول يۆنىلىش دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانى بولغان، يېڭى تىپتىكى تۆمۈر قاپقاقلىق ئۇرۇش كېمىسى — تاشپاقىسىمان كېمىنى ياساپ چىقىپ، دېڭىز مۇداپىئەسىنى كۈچەيتكەن. 1592-يىلى ياپونىيىلىك تومېتومى خىدېيۇشى چاۋشيەنگە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغاندىن كېيىن، سىللا، كيونسان دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن بىرلىشىپ، يۇپو، تاڭيو، شيەنشەن ئارىلى قاتارلىق جايلاردىكى دېڭىزدا ياپونىيە ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، دۈشمەننىڭ سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتىن بىر ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تارمار قىلغان. ئىككىنچى يىلى 7-ئايدا كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئۈچۈن چۇنچۇن، سىللا، كيوسان ئۈچ ۋىلايەت دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. كېيىن خىزمەتداشلىرىنىڭ كۆرەلمەسلىكى بىلەن گۇرۇھ-مەزھەپ جېدىلىگە چېتىلىپ قېلىپ، تۆھمەت بىلەن ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلۇپ، زىندانغا تاشلانغان. 1597-يىلى 1-ئايدا، ياپونىيە ئارمىيىسى يەنە بىر قېتىم چاۋشيەنگە كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان، ئۇرۇشتا چاۋشيەن دېڭىز ئارمىيىسى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، پۈتۈنلەي گۇمران بولۇشقا قىل قالغان، لى شۈنچېننىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، دېڭىز ئارمىيىسىنى قايتا قۇرۇپ چىققان. 9-ئايدا جېنداۋ ئارىلىنىڭ مىڭلياڭ (ئىرتو قولتۇقى) دا خۇاڭخەي دېڭىزىغا كىرىپ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ماسلاشماقچى بولغان ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. 1598-يىلى 11-ئايدا، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشكە كەلگەن مىڭ سۇلالىسى دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن بىرلىشىپ، لولياڭ (كيونساننامدو ۋىلايىتى نەنخەي ناھىيىسى شۆچۇەندە) دا چېكىنىۋاتقان ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن فلوتقا قاتتىق زەربە بەرگەن، جەڭگە قوماندانلىق قىلىۋاتقاندا بەختكە قارشى ئوق تېگىپ، ۋەتەن ئۈچۈن مەرتلەرچە قۇربان بولغان. قۇربان بولغاندىن كېيىن جۇڭۋېيلىق ئۇنۋان بېرىلگەن. مەرھۇمنىڭ يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرى «لى جۇڭۋو بېگىم ئەسەرلىرى» دېگەن نام بىلەن 15 توم قىلىپ نەشىر قىلىنغان. 

لى شېڭ

  • لى شېڭ[يەشمىسى:]3681 - 1381) چاۋشيەن لى سۇلالىسى پادىشاھى(1849-1863). ئۆلگەندىن كېيىن بېرىلگەن نامى جېزۇڭ. چۇەنيۇەن دايۇەنجۈن لى گۇاڭدېنىڭ 3-ئوغلى. شيەنزۇڭنىڭ تەخت ۋارىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن دېۋەنجۈن قىلىپ تەيىنلەنگەن. كېيىن پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. ئۇ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە شىرەم تۇغقىنى ئەن دوڭجىن جەمەتى زورلۇق-زومبۇلۇق قىلغان، خەلق زۇلۇمغا چىداپ تۇرالماي جىنجۇ، چىنجۇ ۋە شيەنسىنىڭ قاتارلىق ئايماقلاردا ئۇدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. دېڭىز بويلىرى چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ، دۆلەت كۈچى كۈنسېرى ئاجىزلاپ كەتكەن. 

لى شى

  • لى شى[يەشمىسى:] (9191 - 2581) چاۋشيەن لى سۇلالىسى پادىشاھى(1863-1907). ئۆلگەندىن كېيىن بېرىلگەن نامى گاۋزۇڭ. شىڭ شۇەن دايۇەنجۈن لى شاڭيىڭنىڭ 2-ئوغلى. 1863-يىلى تەختكە چىققاندا ئاران 12 ياش بولۇپ، ئاتىسى نائىب بولغان. 1874-يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت تۇتقاندىن كېيىن ئوردا ئىچىدە تەرەققىيپەرۋەرلەر بىلەن مۇتەئەسسىپلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ تۇرغان. سىرتقى ئاپەت كۈچىيىپ، دۆلەت كۈچى كۈنسېرى زەئىپلەشكەن. 1897-يىلى دۆلەت نامىنى «بۈيۈك كورىيە ئىمپېرىيىسى» گە ئۆزگەرتىپ ئۆزىنى ئىمپېراتور دەپ ئاتىغان. 1907-يىلى گائاگادا چاقىرىلغان 2-قېتىملىق «دۇنيا تىنچلىق يىغىنى» غا مەخپىي ئەلچى ئەۋەتىپ قاتناشتۇرۇپ، چاۋشيەننىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان، ئىش ۋۇجۇدقا چىقماي ئەكسىچە ياپونىيىنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغاپ قويۇپ، تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان. 1916-يىلى ياپونىيە چاۋشيەننى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن لى تەيۋاڭ دەپ نام بېرىلگەن. 1919-يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇيۇقسىز قازا تاپقان. ئېيتىلىشىچە ياپونلۇقلار تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەنكەن. بۇ 1919-يىلى «1-مارت ھەرىكىتى» نىڭ پارتلىشىغا بىۋاسىتە سەۋەب بولغان. 

لى شىئەي قوزغىلىڭى

  • لى شىئەي قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] چاۋشيەندە لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى. 1467-يىلى (شىزۇنىڭ 13-يىلى) خامگى ۋىلايىتى (خامگىيوڭ ۋىلايىتى) دا پارتلىغان. قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبىرى لى شىئەي جورجىتلاردىن كېلىپ چىققان. بوۋىسى بىلەن گىجۇ ئايمىقىغا كەلگەن، كېيىن گىجۇ ئايمىقىنىڭ باسقاق بېگى بولۇپ، ھەربىي چوڭ ھوقۇقلارنى ئىگىلىۋالغان. 1467-يىلى 5-ئايدا (قەمەرىيە بويىچە) ئىنىسى لى شىخى، قېيىن ئىنىسى لى مىڭشياۋ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، گىجۇ ئايمىقىنىڭ باشلىقى شۆ دېڭشىن، خامگى ۋىلايىتىنىڭ باسقاق بېگى تاڭ شاۋۋىنغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن. قوزغىلاڭغا پۈتۈن ۋىلايەتتىكى دېھقانلار تۇشمۇتۇش ئاۋاز قوشقان، مەھكىمە-يامۇللارغا ئۇشتۇمتۇت بېسىپ كىرىپ، ھاكىم-بەگلەرنى ئۆلتۈرگەن. لى شىئەي ئۆزىنى خامگى ۋىلايىتىنىڭ باسقاق بېگى دەپ جاكارلىغان. 8-ئايدا، قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسى بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بېيچىڭ ناھىيىسى جۇيشەن يېزىسىدىكى مەنلىڭ ھەل قىلغۇچ جېڭىدا قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، لى شىئەي جېڭچىڭ شەھىرىگە چېكىنگەن ھەمدە يەرلىك زومىگەرلەر قولىغا چۈشۈپ قالغان، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. 

لى فامىلىلىكلەر چاۋشيەنى

  • لى فامىلىلىكلەر چاۋشيەنى[يەشمىسى:] چاۋشيەن فېئودال خاندانلىقى. لى چېڭگۇي قۇرغان بولۇپ، 27 ئەۋلاد، 519 يىل ھۆكۈم سۈرگەن. 1392-يىلى لى چېڭگۇي كورىيە سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى گوڭراڭنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئورنىغا ئۆزى پادىشاھ بولغان. ئىككىنچى يىلى دۆلەت نامىنى چاۋشيەنگە ئۆزگەرتكەن. 1394-يىلى پايتەختنى خەنياڭ (ھازىرقى سېئۇل) غا يۆتكەپ كەلگەن. ئۇنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋرىدە، شىمالدىكى چېگرىسى يالۇجياڭ ۋە تۇمانگان دەرياسى قىرغاقلىرىغا قەدەر كېڭىيىپ بارغان. ئۇ، يەرگە قارىتا، دۆلەت ئىگىدارچىلىق (جامائە يېرى) ۋە مەرتىۋە يەر قانۇنى ( خۇسۇسىي يەر) تۈزۈملىرىنى يولغا قويغان. 1471-يىلى «دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بۈيۈك قانۇن» نى ئېلان قىلىپ، ھوقۇق مەركەزگە مۇجەسسەملەشكەن ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن. يەنى دۆلەتنىڭ مەركىزىي ئەڭ ئالىي ئورگىنى مەسلىھەتچىلەر ھۆكۈمىتى بولۇپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئالتە ۋازارەت (ئالتە پىرقە) تەسىس قىلغان، مەركىزىي ئاپپاراتتا پەرمان مەھكىمىسى بولغان؛ ھەربىي ئاپپاراتتا ئۈچ ھەربىي مەھكىمە (كېيىن بەش مۇداپىئە باش تۇتۇق مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن) تەسىس قىلغان؛ خۇسۇسىي ئارمىيىنى بىكار قىلىپ، مەھكىمە ئارمىيە تۈزۈمىنى يولغا قويغان، «ھەربىي كېپىللىك تۈزۈمى» نى تەسىس قىلىپ، «ھەربىي رەخت سېلىقى» ياكى «كېپىللىك رەخت سېلىقى» يىغىۋېلىپ بۇنى ھەربىي مالىيە خىراجەت مەنبەسى قىلغان. 1407-يىلى «چېتىلما كېپىللىك تۈزۈمى» نى (كېيىن «بەش ئائىلىنى چېتىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى» دەپ ئاتالغان) يولغا قويغان. 1413-يىلى «نام-نىشان قانۇنى» نى يولغا قويغان. ئۇ، كۇڭزى-جۇزىچىلىقنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلەپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە مەكتەپ ئاچقان. مىس مىخ مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، ھەر خىل كىتابلارنى بېسىپ تارقاتقان؛ 1443-يىلى چاۋشيەن يېزىقىنى («ئۆلچەملىك پۇقرا ئەدەبىي تەلەپپۇزى»، «تەمسىل يېزىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تۈزۈپ چىققان. سىرتقا نىسبەتەن سۇسىماغا جازا يۈرۈشى قىلىپ، ياپون پاكارلىرى كەلتۈرۈۋاتقان ئاپەتنى تۈگەتكەن. جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتە دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن. Ⅹ Ⅸ ئەسىرگە كەلگەندە فېئودال مۇناسىۋەتلىرى يىمىرىلىپ، كاپىتالىزم بىخ سۈرۈشكە باشلىغان، سىنىپىي زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ، دېھقانلار قوزغىلىڭى داۋاملىق پارتلاپ تۇرغان. 1876-يىلى ياپونىيە چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىپ، «چاۋشيەن-ياپونىيە ئىناق ئۆتۈش نىزامى» («كاڭخا شەرتنامىسى») نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، چاۋشيەننىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چاۋشيەننى تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامىلەرنى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، مىللىي كرىزىسنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتكەن، فېئودالىزمغا، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەش پەيدىنپەي يۇقىرى ئۆرلەپ بارغان. 1894-يىلى جياۋۇ دېھقانلار ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ياپونىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەسكەر چىقىرىپ مۇداخىلە قىلغان، ياپونپەرەس ھۆكۈمەت قۇرۇپ، جاۋۇ ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بارغان. روسىيە-ياپونىيە ئۇرۇشىدا ياپونىيە چاۋشيەننى ئىشغال قىلىۋېلىپ، لى سۇلالسى ھۆكۈمىتىنى «كورىيە-ياپونىيە توختامنامىسى» (1904) ۋە «يىسى ھامىيلىق شەرتنامىسى» («كورىيە-ياپونىيە كېلىشىمنامىسى» 1905-يىلى) نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاپ، چاۋشيەننى ياپونىيىنىڭ ھامىي دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇۋالغان. 1905-يىلى ياپونىيە سېئۇلدا باش نازارەت مەھكىمىسى (كېيىنكى چاۋشيەن باش ۋالىي مەھكىمىسى) نى قۇرغان، 1907-يىلى ياپونىيىلىكلەر گاۋزۇڭنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلغان ھەمدە «دىڭمۇ يەتتە ماددىلىق شەرتنامىسى»، «كورىيە-ياپونىيە يېڭى كېلىشىمى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، چاۋشيەن ئارمىيىسىنى تارقىتىۋەتكەن. 1910-يىلى «كورىيە-ياپونىيە بىرلىشىش شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، چاۋشيەننى يۇتۇۋالغان. لى فامىلىلىكلەر چاۋشيەنى شۇنىڭ بىلەن مۇنقەرز بولغان. 

لى فېن قوزغىلىڭى

  • لى فېن قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] مىلادى Ⅵ ئەسىردىكى جياۋجۇ ئايمىقى (ھازىرقى ۋيېتنام) خەلقىنىڭ جۇڭگودىكى لياڭ سۇلالىسىنىڭ فېئودال ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشى. قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبىرى لى فېن (؟ — 548) بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. لى فېننىڭ يەنە بىر ئىسمى لىمى بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەنزۇ، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا ھەربىي يېغىلىقتىن قېچىپ ھىندىچىنىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەتتە ئەۋلاد زومىگەرلەردىن. لى فېن ئەسلىدە لياڭدې ئايمىقىنىڭ ھەربىي نازارەتچىسى بولۇپ، ئەمىلىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىن نارازى بولۇپ، قورسىقىدا غۇم ساقلاپ كەلگەن. بۇ مەزگىلدە لياڭ سۇلالىسىنىڭ جياۋجۇ ئايمىقىنىڭ ئايماق بېگى شياۋسى قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈپ، خەلققە بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن 541-يىلى ئاممىنى باشلاپ قوزغىلاڭ قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي جياۋجۇ ئايمىقىنىڭ مەركىزى لۇڭبيەن (ھازىرقى خانوي) نى ئالغان. شياۋسى گۇاڭجۇغا قېچىپ كەتكەن. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ لياڭ سۇلالىسى بىلەن جەنۇبتىكى لېيىنلارنىڭ ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلىپ، قۇدرەت تاپقان. 544-يىلى، لى فېن ئۆزىنى جەنۇبىي ۋېيتنام پادىشاھى (ۋيېتنام تارىخىدا بۇ ئالدىنقى ۋيېتنام لى پادىشاھى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى لى فۇزى پادىشاھىنى كېيىنكى ۋيېتنام لى پادىشاھى دەپ ئاتىلىدۇ)، دۆلەت نامىنى ۋەنچۈن، پايتەختنى لوڭبيەن، دۆلەت قۇرغان تۇنجى يىلىنى تيەندې دەپ ئاتاپ، ۋەزىر-مۇلازىملىرىنى بېكىتكەن. 545-يىلى، لياڭ سۇلالىسى يەنە ياڭ بياۋ، چىن باشيەننى جازا يۈرۈشىگە ئەۋەتكەن. لى فېن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۇلىجياڭ دەرياسى ئېغىزى بىلەن دىيەنچى كۆلى قاتارلىق جايلاردا لياڭ سۇلالىسى ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، چۇلياۋ غارى (ھازىرقى شىڭخۇا) غا قېچىپ كىرىۋالغان. 548-يىلى چۇلياۋلىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن (قەدىمكى ۋيېتنام تارىخىدا كېسەل بىلەن ئۆلگەن دېيىلىدۇ). ۋيېتنام تارىخىدا لى فېن قۇرغان ھاكىمىيەتنى، لى گوڭيون قۇرغان كېيىنكى لى سۇلالىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئالدىنقى لى سۇلالىسى دەپ ئاتىلىدۇ. 

لىكتور

  • لىكتور[يەشمىسى:]Lictor) قەدىمكى رىمدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ياساۋۇللىرىنىڭ نامى ياكى ھۈرمەت قاراۋۇللىرى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، لىكتور تۈزۈمى شىمالدىكى قوشنىسى ئېترۇرىيىلىكلەردىن كىرگەنىكەن. يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار سىرتقا چارلاشقا چىققاندا، لىكتورلار مۈرىسىگە فاشىست (ھەربىر ئادەم بىردىن) بەلگىسىنى تاقاپ، ئەگىشىپ ماڭىدىكەن، بۇ ھوقۇقنى ئىشلىتىشنىڭ بەلگىسى ئىكەن. مۇستەبىت ئەمەلدار (دىكتاتور) نىڭ 24، كونسۇلنىڭ 12،چوڭ سوتچىنىڭ ئالتە نەپەر لىكتور ئېلىپ مېڭىشى بەلگىلەنگەن. 

لىكۋىداتورلار (بىكار قىلغۇچىلار)

  • لىكۋىداتورلار (بىكار قىلغۇچىلار)[يەشمىسى:] روسىيە سوتسىيال دېموكرات ئىشچىلار پارتىيىسى ئىچىدىكى ئاغمىچى گۇرۇھ. 1905 — 1907-يىلى ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، مېنشېۋىكلار ئەكسىلئىنقىلابىي زوراۋانلىقتىن قورقۇپ كەتكەن، نۇرغۇن كىشىلەر پارتىيىنىڭ مەخپىي تەشكىلاتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ھەتتا پارتىيىنىڭ ئىنقىلابىي پروگراممىسى، تاكتىكىسى ۋە ئەنئەنىسىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە قانۇنىي ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈپ، «ئوچۇق-ئاشكارا ئىشچىلار پارتىيىسى» قۇرۇشقا ئۇرۇنغان، بۇنداق كىشىلەر «لىكۋىداتورلار» (بىكار قىلغۇچىلار) دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى مارتوۋ، دان (Ф.И. Дан 1871 — 1947) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 1912-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ پراگا ۋەكىللەر يىغىنىدا لىكۋىداتورلار پارتىيىدىن تازىلاپ چىقىرىلغان. 

لىكېئۇم

  • لىكېئۇم[يەشمىسى:] (Lukeion ياكى Lyceum) قەدىمكى يۇناندا ئارستوتېل قۇرۇپ چىققان بىلىم يۇرتى. ئافىنا شەھىرىنىڭ شەرقىي-شىمال رايونىغا جايلاشقان، ئەسلىدە ئافىنا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تەڭرى ئاپوللود لىكېئۇس (Apollo Lyceus) قا نەزىر-چىراغ قىلىدىغان جايى، شۇنداقلا تەنتەربىيە مەيدانى ئىدى. تەخمىنەن مىلادىدىن 335 يىل ئىلگىرى ئارستوتېل بۇ يەردە پەلسەپە مەكتىپى ئېچىپ، شاگىرت قوبۇل قىلغان. ئارستوتېل دائىم شاگىرتلىرىنى باشلاپ دەرەخلىك يولدا ئاستا مېڭىپ دەرس ئۆتكەن، شۇڭا، بۇ ئىلمىي ئېقىم پېرىپاتې (Peripateties، ئاستا مېڭىش دېگەن مەنىدە) ياكى ئەركىن يۈرگۈچىلەر ئىلمىي ئېقىمى دەپ ئاتالغان. ئارستوتېل ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرغان. پلاتون ئاچقان ئاكادېمىيە (Akademeia) (بىلىم يۇرتى) بىلەن بىللە، قەدىمكى يۇناندىكى مەشھۇر بىلىم يۇرتى ھېسابلىنىدۇ. تەخمىنەن 529-يىلغا كەلگەندە شەرقىي ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى تەرىپىدىن پېچەتلەپ تاشلانغان.

لى گوڭيۈن

  • لى گوڭيۈن[يەشمىسى:] (974 — 1028) ۋيېتنام لى سۇلالىسىنى قۇرغۇچى (1009 — 1028). ئۆلگەندىن كېيىن بېرىلگەن نامى تەيزۇ. بېيجاڭ گۇفا ئايمىقى (ھازىرقى بېينىڭ ئۆلكىسى، سىشەن ۋىلايىتى دۇڭئەن ناھىيىسى) دىن. راھىب ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بۇرۇن ئالدىنقى لى سۇلالىسى سول قول ئوردا مۇھاپىزەتچىلەر قىسىملىرىنىڭ قوماندانى بولغان. ئالدىنقى لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى لى لوڭتېڭ (يەنە بىر ئىسمى جىجوڭ، تارىختا لى جۇچاۋ دەپ ئاتالغان) ئۆلگەندىن كېيىن، 1009-يىلى ئۆزىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن. ئىككىنچى يىلى يىلنامىسىنى شۇنتيەنگە ئۆزگەرتكەن؛ دالونى پايتەخت قىلىپ، شىڭلوڭ (ھازىرقى خانوي) غا ئۆزگەرتكەن. تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە، مەمۇرىي ۋە ھەربىي تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى 24 ئۆلكىگە بۆلگەن؛ باج-سېلىق ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىققان، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، راھىبلارغا ئېتىبار بېرىپ، بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ چىققان، جۇڭگودىن ترې-پىتاكانى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەتكەن. 

لى گۇاڭجۇ

  • لى گۇاڭجۇ[يەشمىسى:] (1892 — 1954) چاۋشيەن ھازىرقى زامان يازغۇچىسى. تەخەللۇسى چۈن يۇەن، پيوڭئانپوكدو ۋىلايىتى دىڭجۇ ئايمىقىدىن. 1915-يىلى ياپونىيە ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ ئوقۇغان، ئۆگىنىشنى تۈگەتمەيلا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. 1917-يىلى «رەھىمسىزلىك» ناملىق رومانىنى يېزىپ شۆھرەت قازانغان. 1919-يىلى جۇڭگو شاڭخەيگە قېچىپ كېلىپ «كورىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نىڭ ئورگان گېزىتى «مۇستەقىللىك خەۋىرى» نىڭ باشلىقى، قوشۇمچە باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1921-يىلى چاۋشيەنگە قايتىپ كەتكەن. 1922-يىلى «مىللىي ئىسلاھات نەزەرىيىسى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، چاۋشيەننىڭ مىللىي ئەنئەنىسىنى يوققا چىقارغان. 1923-يىلى «شەرقىي ئاسىيا گېزىتى» تەھرىر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1933-يىلى «چاۋشيەن گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1939-يىلى ياپون جاھانگىرلىكىگە ياللانغان تەشكىلات چاۋشيەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1940-يىلى ياپونىيە چاۋشيەنلىكلەرنى ئىسىم فامىلىسىنى ياپونچە قوللىنىشنى مەجبۇر قىلغاندا، باشلامچىلىق بىلەن فامىلىسىنى كاكۇ ياماتىرۇۋغا ئۆزگەرتىۋالغان. 1941-يىلى تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، چاۋشيەن ياشلىرىنى ئېزىقتۇرۇپ، ياپونىيە ئارمىيىسىدە خىزمەت ئۆتەشكە كۈشكۈرتكەن. 1945-يىلى چاۋشيەن ئازاد بولغاندىن كېيىن، چاۋشيەن مىللىتىگە قارشى چىققانلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ «باشلامچى»، «ئارىساللىق»، «قايتا تىرىلىش»، «لى شيۇەنچىن» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

لىگۇرىيانلار

  • لىگۇرىيانلار[يەشمىسى:] (Ligures ياكى Ligurians) ئىتالىيىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ بىرى. ھىندى-ياۋروپا ئىرقىغا تەۋە بولۇپ، ئېھتىمال كېلىتلار ياكى گېرمانلار بىلەن ئورتاق مەنبەگە ئىگە بولسا كېرەك. ئىتالىيىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى، پادۇس (پو) دەرياسى يۇقىرى ئېقىمىنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىزغا يېقىن رايونغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جاي لىگۇرىيە (Liguria) دەپ ئاتالغان. بۇ يەر تاغلىق (ئاپېننىن تېغى) رايون بولۇپ، ئاھالىسى ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، دېڭىز قىرغىقىدىكى گېنۇيە (Genua) قەدىمدىن تارتىپ ئوبدان پرىستان بولۇپ كەلگەن. دەسلەپ لىگۇرىيانلار دائىم دېڭىزدىن ئۆتۈپ كارفاگېن (شىمالىي ئافرىقا) غا بېرىپ ياللانما ئەسكەر بولغان. كېيىنرەك رىمنىڭ ئىستېلاسىغا قارشى جەڭ قىلغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 238 يىل ئىلگىرى رىم قوشۇنى باستۇرۇپ كىرىشكە باشلىغان. ئىككىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشى ئاياغلاشقىچە (مىلادىدىن 201 يىل ئىلگىرى) بولغان ئارىلىقتا ئاخىرى رىملىقلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇۋېلىنغان؛ لىگۇرىيانلار مەجبۇرىي ھالدا ئىچكى رايون-سامنېي رايونىغا كۆچۈرۈۋېتىلىپ، ئۇ يەرگە تۈركۈم-تۈركۈم رىم مۇستەملىكىچىلىرى كىرگەن. لىگۇرىيە رايونى تاغنىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيە ۋە ناربون گاللىيىدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكىنىڭ باشقۇرۇشىغا بۆلۈپ بېرىلگەن. ھازىرقى گېنۇيە قولتۇقىدىن تارتىپ كورسكا ئارىلى ئارىلىقىدىكى سۇ ساھىلى ھېلىمۇ لىگۇرىيە دېڭىزى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. 

لىڭمۇ ۋېنجژ(سۇزۇكى بۇنجى)

  • لىڭمۇ ۋېنجژ(سۇزۇكى بۇنجى)[يەشمىسى:]1885 —1946) ياپونىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەربابى. توكيو ئىمپېرىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. ئەسلى «ئەتىگەنلىك خەۋەر» نىڭ مۇخبىرى ئىدى. كېيىن ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان. 1911-يىلى خرىستىئان چېركاۋى خۇڭداۋخوينىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى، قوشۇمچە ئىجتىمائىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1912-يىلى دوستلۇق جەمئىيىتىنى تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭ باشلىقى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپونىيە ئەمگەكچىلەر باش ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى، سوتسىيال ئاۋام پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە ئەزاسى بولغان ھەمدە تۆت قېتىم خەلقئارا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى يىغىنىغا قاتناشقان، ئۈچ قېتىم ئاۋام پالاتاسى ئەزالىقىغا سايلانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. ئۇنىڭ «ياپونىيىدىكى ئىشچىلار مەسىلىسى»، «ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ 20 يىللىقى» دېگەن ئەسەرلىرى بار. 

لىلبۇرنې

  • لىلبۇرنې[يەشمىسى:] (John Lilburne، تەخمىنەن 1614 — 1657) ⅩⅦ ئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇششاق بۇرژۇئا دېموكراتى، باراۋەرچىلەرنىڭ يولباشچىسى. كىچىك يېزا مۆتىۋىرى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ياشلىق دەۋرىدە شاگىرت ئىشچى بولغان. 1638-يىلى ئېپىسكوپقا قارشى كىتابلارنى ساتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. تۈرمىدە بىر يۈرۈش خىتابنامىلەرنى يېزىپ چىقىپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ زالىملىقىنى پاش قىلغان. 1642 — 1645-يىللىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇش داۋامىدا، باتۇرلۇق كۆرسىتىپ،1644-يىلى 5-ئايدا يېڭى نەمۇنىلىك ئارمىيە ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ پودپولكوۋنىكلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدەك ئاقساقاللار پارلامېنتىنىڭ سىياسىتىنى سۆكىدىغان بىرمۇنچە كىتابچىلارنى يېزىپ چىقىپ، 1646-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، جەرىمانە تۆلەش ۋە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. تۈرمىدە داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 1648-يىلى 8-ئايدا تۈرمىدىن چىقىپ، باراۋەرچىلەر ھەرىكىتىگە تېخىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان. ئومۇمىي سايلام تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەسكەرلەر بىلەن نامراتلارنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشكەن. شۇ سەۋەبتىن يەنە بىر نۆۋەت قولغا ئېلىنغان. 1657-يىلى تۈرمىدە قازا تاپقان. «ئەنگلىيىدىكى تەڭرى ئاتا قىلغان ھوقۇق»، «خەلق ئەھدىنامىسى»، «ئەنگلىيىگە سېلىنغان يېڭى كىشەننىڭ ئاشكارىلىنىشى» قاتارلىق كىتابلارنى ئېلان قىلغان. 

لىللو

  • لىللو[يەشمىسى:] (Baldomero Lillo، 1867 — 1923) چىلىلىق يازغۇچى. چىلىنىڭ ئاساسلىق كۆمۈركان رايونى — لوتا (Lota) دا دۇنياغا كەلگەن. لىللو ياشلىق دەۋرىدە دائىم شاختىغا چۈشۈپ، خاڭ ئىشچىلىرىنىڭ ئەمگىكى ۋە تۇرمۇشى بىلەن پىششىق تونۇشقان. 1898-يىلى پايتەخت — سانتىياگوغا كۆچۈپ بېرىپ، سانتىياگو ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىيات بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاساسەن چىلى خاڭ ئىشچىلىرى ۋە باشقا ئەمگەكچىلەرنىڭ ھاياتىنى تېما قىلغان بولۇپ، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى چىلى جەمئىيىتىنىڭ رېئاللىقىنى قايتا نامايان قىلغان. ئۇ پرولېتارىيات تېمىسىنى چىلى ھېكايىچىلىقىغا ئېلىپ كىرگەن پېشۋا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ: «زېمىن ئاستىدا»، «قۇياش ئاستىدا» قاتارلىق ھېكايىلەر توپلاملىرى بار.

لىلى

  • لىلى[يەشمىسى:] (1385 — 1433). ۋيېتنامنىڭ كېيىنكى لى سۇلالىسىنى قۇرغۇچى (1428 — 1433). ئۆلگەندىن كېيىنكى نامى تەيزۇ. لەنشەن يېزىسىدىن (بۈگۈنكى چىڭخۇا شۇچۇڭ ناھىيىسى). مۇشتۇمزور تۆرىدىن كېلىپ چىققان. 1418-يىلى لەنشەن قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئۆزىنى پىڭدىڭ خان دەپ ئاتىۋېلىپ، جۇڭگو مىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋىلايەت-ناھىيە بويىچە باشقۇرۇشىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1427-يىلى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەسكەرلىرى چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن چىن سۇلالىسىنىڭ ئەۋلادى بولغان چېن گاۋنى خان قىلغان. ئىككىنچى يىلى مەملىكەت بويىچە بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چېن گاۋنى بىكار قىلىپ ئۆزى خان بولۇۋالغان. ئۆزىنى تەڭرىگە بويسۇنغۇچى باتۇر چوڭ خان دەپ ئاتىغان، تەخەللۇسى لەنشەن ئۆڭكۈرنىڭ خوجايىنى، يىلنامىنى شۇنتيەنگە، دۆلەت نامىنى دايۆگە ئۆزگەرتكەن. دۇڭجىڭنى (بۈگۈنكى خانۇي) پايتەخت قىلغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنى بەش ئۆلكىگە ئايرىپ، ئۆلكىدە مۇھاپىزەتچى قوشۇن، قوشۇندا باش خوجىدار تەسىس قىلغان؛ تۆھپىكارلارنى مەنسەپكە قويغان؛ قانۇن چىقارغان؛ يەر، نوپۇسنى تىزىملاپ، يەرنى تەڭ تەقسىم قىلىش قانۇنىنى يولغا قويغان، پۇل قۇيدۇرۇپ، مەكتەپ قۇرۇپ، ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق مەنسەپكە قويغان. 

لىما خىتابنامىسى

  • لىما خىتابنامىسى[يەشمىسى:](1) 1954-يىل 12-ئاينىڭ 4-كۈنى چىلى، ئېكۋادور ۋە پېرو ئۈچ دۆلەت لىمادا ئىمزالىغان سانتىياگو خىتابنامىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان قوشۇمچە توختامنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا: ناۋادا، «دېڭىز تەۋەلىكى قوراللىق تاجاۋۇزغا ئۇچرىسا، تاجاۋۇزغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللىنىش قارارىغا كېلىشىگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، تەسىرگە ئۇچرىغۇچى دۆلەت باشقا شەرتلەشكەن دۆلەتلەرگە ۋەقەنى دەرھال مەلۇم قىلىپ قويۇش كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. (2) «لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ دېڭىز-ئوكيان قانۇنى توغرىسىدىكى خىتابنامىسى» نىڭ قىسقىچە ئاتىلىشى. 1970-يىل 8-ئاينىڭ 4 — 8-كۈنلىرى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى چىلى، ئېكۋادور، پېرو قاتارلىق 20 دۆلەت لىمادا «لاتىن ئامېرىكىسى دېڭىز-ئوكيان قانۇنى مەسىلىسى يىغىنى» نى چاقىرىپ، ئېلان قىلغان خىتابنامىسى. خىتابنامىدە تەكىتلەپ «دېڭىز بويى دۆلەتلىرى مۇۋاپىق بولغان ئۆلچەم بويىچە ئۆزىنىڭ دېڭىز-ئوكيان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ياكى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە» دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ خىتابنامىنى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 14 دۆلەت ئاۋاز بېرىپ قوللىغان. (3) 1971-يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە لىمادا ئۆتكۈزۈلگەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق مىنىستىرلار يىغىنىدا ماقۇللانغان ئاخىرقى ھۈججەت. بۇ ھۈججەتتە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي تەييارلىق مۇسابىقىسى، مۇستەملىكىچىلىك، ئىرقچىلىق، باشقىلارنىڭ زېمىنىغا چاڭ سېلىش ۋە باشقا ئەلگە بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلىرى ئەيىبلەنگەن. ئۇنىڭدا: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ «زېمىنى ۋە دېڭىز-ئوكيان خام ئەشياسى، بايلىقىغا قارىتا تولۇق، چەكسىز ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە» ھەمدە «دۇنيا سودىسى ۋە پۇل تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشقا دائىر ھەرقانداق ئالدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان مەسلىھەت ۋە ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرگە تولۇق قاتنىشالايدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن. (4) «سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى لىما خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىلانى» نىڭ قىسقىچە ئاتىلىشى. 1975-يىلى 3-ئاينىڭ 12 — 27-كۈنلىرى لىمادا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان. ئۇنىڭدا چەت ئەل ۋە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قالدۇقلىرى، چەت ئەلنىڭ ئىشغالىيىتى، ئىرقىي كەمسىتىش، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ھەر خىل شەكىلدىكى يېڭى مۇستەملىكىچىلىك يەنىلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئازادلىقى ۋە ئالغا بېسىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ؛ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سانائەتلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن چوقۇم يېڭى خەلقئارالىق ئىقتىسادىي تەرتىپنى بەرپا قىلىش زۆرۈر، دەپ كۆرسىتىلگەن. 

لىندبېرگ

  • لىندبېرگ[يەشمىسى:] (Charles Augustus Lindbergh، 1902 — 1974) ئامېرىكا ئۇچقۇچىسى. دېترويت شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1922-يىلى ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئايرىلىپ، ئۇچقۇچىلىقنى ئۆگەنگەن. 1925-يىلى ھاۋا ئارمىيە زاپاس قوشۇنىغا كىرگەن، كېيىن پوچتا ئايروپىلانى ئۇچقۇچىسى بولغان. 1927-يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆزى يالغۇز ئايروپىلاننى ھەيدەپ نيۇ-يوركتىن ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ، پارىژدا قونۇپ، پۈتۈن يەر شارىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن. 1935-يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 1938-يىلى ياۋروپا ھاۋا ئارمىيىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن. 1939-يىلىدىن باشلاپ يەككىچىلىكنى كۆككە كۆتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادىكى سىياسىي-ھەربىي كۈرەشكە قاتنىشىشىغا قارشى تۇرغاچقا، ئامېرىكىلىقلار ئۇنى گېرمانپەرەس دەپ قارىغان. كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ ھەربىي خىزمەتتىن بوشانغان. ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقاندىن كېيىن ھاۋا ئارمىيىسىگە قايتىپ كېلىپ تىنچ ئوكيان رايونىدا جەڭ قىلغان. كېيىن يەنىلا مۇتەئەسسىپ پوزىتسىيىدە مەيدانغا چىققان. «بىز»، «ئۇچقۇچىلار تۇرمۇشى»، «لوئىس روھى»، «ئۇرۇش ۋاقتىدىكى خاتىرە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

لىندگرېن

  • لىندگرېن[يەشمىسى:] (Waldemar Lindgren، 1860 — 1939) ئامېرىكىلىق گېئولوگ. شۋېتسىيىدە تۇغۇلغان. گېرمانىيە فرېيبېرگ خانلىق كان ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1882-يىلى كان ئېچىش ئىنژېنېرى بولغان. 1883-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ئىككىنچى يىلى گېئولوگىيىلىك ئۆلچەش خىزمىتىگە قاتناشقان. 1897 — 1898-يىللىرى ستانفو ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلىگەن. 1908-يىلى ماسسا-چۇسېت تېخنىكا تەتقىقات ئورنىدا لېكسىيە سۆزلىگەن. 1912 — 1933-يىللىرى بۇ ئورۇننىڭ مەسئۇلى بولغان. ماگما مەزگىلىدىن كېيىن كانلارنى تۈرگە ئايرىشنى بەرپا قىلغان. سىماب، ئالتۇن قاتارلىق نۇرغۇن مېتال كانلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، كانلارنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى نەزەرىيىسى جەھەتتە خېلى كۆپ تۆھپە قوشقان. «ئىسسىق ھارارەتتىكى سۇيۇق كان» توغرىسىدا يېڭى كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.1933-يىلى خەلقئارا گېئولوگىيە جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. «كانچىلىق ئىلمى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

لىنكولن

  • لىنكولن[يەشمىسى:]Abraham Lincoln، 1809 — 1865) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1861 — 1865). جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن. كېنتۇككى شتاتىدا تۇغۇلغان. دېھقان، دۇكان خىزمەتچىسى، پوچتا خادىمى، يەر ئۆلچەش خادىمى بولغان. 1836-يىلى ئادۋوكات بولغان. 1834 — 1842-يىللىرى ئىللىنويىس شتات پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1838-يىلى قۇللۇق تۈزۈمگە ئاشكارا قارشى تۇرۇپ شتات پارلامېنتىدىكى خويگلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى بولغان. 1847 — 1849-يىللىرى پارلامېنت ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان. خويگلار پارتىيىسىنىڭ باش ئورگىنىدا خىزمەت قىلغان. 1856-يىلى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە كىرگەن. قۇللۇق تۈزۈمگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، تەرەققىيپەرۋەر خەلقنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. 1860-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، جەنۇبتىكى قۇلدارلار توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ۋەزىيەت شىمالغا پايدىسىز بولغان. 1862-يىلى ئۇ بىر قاتار ئىنقىلابىي تەدبىرلەرنى يولغا قويغان، 5-ئايدا «يەر-جاي قانۇنى» نى ئېلان قىلىپ، گراژدانلار ئون ئامېرىكا دوللىرى تىزىملاش ھەققى تاپشۇرسا، غەربىي قىسىمدىن 160 ئىنگلىز موسى كېلىدىغان يەرگە ئىگە بولىدۇ، بەش يىل تېرىلغاندىن كېيىن بۇ يەرنىڭ ئىگىسى بولىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. 9-ئايدا «ئازادلىق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىپ، جەنۇبتىكى نېگىر قۇللار ئەركىن كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ، ئامېرىكا ئارمىيىسىگە قاتناشسا بولىدۇ، دەپ جاكارلىغان. ئىككىنچى يىلى «خەلق ئىلكىدە بولۇش، خەلق باشقۇرۇش، خەلق بەھرىمەن بولۇش» تىن ئىبارەت پروگرامما خاراكتېرلىك شوئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئوڭشىغان. 1865-يىلى ئاپرېلدا جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. لېكىن 15-ئاپرېل كۈنى بوئوت (John Vilkes Booth، 1838 — 1865) تەرىپىدىن سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. ماركس ئۇنى قەھرىمان دەپ ئاتاپ، ئۇنى ۋاشىنگتون بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغان. 

لىنگاياتى كېلىشىمى

  • لىنگاياتى كېلىشىمى[يەشمىسى:] «سېرېبون كېلىشىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1945-يىلى 8-ئايدا ھىندونېزىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، گوللاندىيە بىلەن ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، 1946-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى سېرېبون ئەتراپىدىكى لىنگاياتى كەنتىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان، 1947-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى جاكارتادا رەسمىي كېلىشىم ئىمزالىغان. ئاساسىي مەزمۇنى: گوللاندىيە ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋا، مادۇرا ۋە سۇماترا ئاراللىرىغا بولغان ئەمەلىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ؛ 1949-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە گوللاندىيە يار-يۆلەك بولغان «شەرقىي ھىندونېزىيە قوشما شتاتى» بىلەن «كالىمانتان قوشما شتاتى» بىرلىشىپ «ھىندۇنېزىيە قوشما شتاتلىرى» نى تەشكىل قىلىدۇ؛ «ھىندونېزىيە قوشما شتاتلىرى» بىلەن گوللاندىيە بىرلىشىپ «گوللاندىيە-ھىندونېزىيە قوشما شتاتلىرى» نى تەشكىل قىلىپ، ئۇنىڭغا گوللاندىيە كورۇلىۋاسى باشلىق بولىدۇ؛ ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتى چەت ئەل كاپىتالىستلىرىنىڭ ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى مال-مۈلۈك ۋە ھوقۇق-مەنپەئەت تەلەپلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ دېگەندىن ئىبارەت. گوللاندىيە كېلىشىمىنى قالقان قىلىپ ئۇرۇش تەييارلىقىنى جىددىيلەشتۈرۈپ،1947-يىل 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ھىندونېزىيىگە ئومۇميۈزلۈك ھەربىي ھۇجۇم قوزغاپ، كېلىشىمنى يىرتىپ تاشلىغان. 

لىنمۇ گۇەنتەيلاڭ(سۇزۇكى سىتارو)

  • لىنمۇ گۇەنتەيلاڭ(سۇزۇكى سىتارو)[يەشمىسى:]1867 — 1948) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1945). دېڭىز ئارمىيە ئادمېرالى. خۇككايدۇدا تۇغۇلغان. دېڭىز ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىغا، ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1914 — 1917-يىللىرى دېڭىز ئارمىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1924-يىلى بىرلەشمە فلوتىنىڭ قوماندانى بولغان. 1925-يىلى ھەربىي بۇيرۇق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1929-يىلى زاپاس قىسىملار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئوردىدا ياساۋۇللار باشلىقى، قوشۇمچە زوراغالىق مەسلىھەتچىسى بولغان. ساكاتافۇجى، ئوكادا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ «دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى چەكلەش ۋە قىسقارتىش خەلقئارا شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، ياش ئوفىتسېرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1936-يىلى 26-فېۋرال ۋەقەسى مەزگىلىدە توپىلاڭ كۆتۈرگۈچى قوشۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېغىر يارىدار بولغان. 1940-يىلى زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان،1944-يىلى باشلىقى بولغان. 1945-يىل 4-ئاينىڭ 7-كۈنى كابىنېت تەشكىل قىلغان، 8-ئاينىڭ 15-كۈنى «پوتسىدام ئاخباراتى» نى قوبۇل قىلىپ، شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇ كۈنى ئىستېپا بەرگەن. 12-ئايدا يەنە زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. «تەرجىمىھالىم» دېگەن ئەسىرى بار. 

لى ھاۋرې پروگراممىسى

  • لى ھاۋرې پروگراممىسى[يەشمىسى:] فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ پروگراممىسى. 1880-يىلى لې ھاۋرې قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1880-يىلى 5-ئايدا، ماركسنىڭ يېتەكچىلىكىدە، گېد بىلەن لافارگ بىرلىكتە ئىشچىلار پارتىيىسى پروگراممىسىنى تەييارلىغان. ماركس پروگراممىسىنىڭ نەزەرىيە قىسمىنى ئېغىزىدا ئېيتىپ بەرگەن ھەمدە پروگراممىنىڭ ئەمەلىيەت قىسمىنى تۈزۈش ئىشىغا قاتناشقان. 6-ئاينىڭ 30-كۈنى گېد ئۇنى ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان «باراۋەرلىك» گېزىتىدە ئېلان قىلغان، ئۇنىڭغا «سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەرنىڭ سايلام رىقابىتى پروگراممىسى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. 11-ئايدا ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ لى ھاۋرې قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان. پروگراممىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى «كاپىتالىستلار سىنىپىنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەھرۇم قىلىش ھەمدە پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى كوللېكتىپقا ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت» دەپ كۆرسىتىلگەن. پروگراممىنىڭ سىياسىي قىسمىدا «مەتبۇئات، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان بارلىق قانۇنلارنى بىكار قىلىش»، «ئىشچىلار قوللانمىسىنى، بارلىق قانۇنلارنى بىكار قىلىش»، «ئىشچىلار قوللانمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش»، «دائىمىي ئارمىيىنى بىكار قىلىپ، خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوراللىنىشىنى بەرپا قىلىش» ئوتتۇرىغا قويۇلغان. پروگراممىنىڭ ئىقتىسادىي قىسمىدا ھەپتىدە ئالتە كۈن ئىشلەش، بىر كۈن دەم ئېلىش ۋە سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش؛ بالا ئىشچىلارنى مەنئى قىلىش، ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىنى بەلگىلەش ۋە ئەر-ئاياللارنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىش؛ قېرى ۋە مېيىپ ئىشچىلارغا نەپەقە بېرىش؛ بارلىق ۋاسىتىلىك باجنى بىكار قىلىش، بىۋاسىتە باجنى كىرىمى 3 مىڭ فرانكتىن ئېشىپ كەتسە دارامەتكە قاراپ ئېشىپ بارىدىغان باج ئېلىشقا ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغان. پروگرامما ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن نەزەرىيىۋى ئاساس سالغان. 

لېئان ئىشچىلار قوزغىلىڭى

  • لېئان ئىشچىلار قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] فرانسىيىدە يۈز بەرگەن دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىككى قېتىملىق ئىشچىلار قوزغىلىڭى.(1) 1831-يىل 11-ئاينىڭ 21-كۈنى توقۇمىچىلىق سانائىتى مەركىزى بولغان لېئاندىكى توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى ئىش ھەققىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن نامايىش قىلغان، نامايىش قوراللىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭغا ئايلانغان. قوزغىلاڭچىلار «ئىشلەپ ياشىيالمىغاندىن كۆرە، جەڭ قىلىپ ئۆلگەن ئەۋزەل» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان.23-كۈنى پۈتۈن شەھەرنى ئىشغال قىلغان، بىراق ھاكىمىيەتنى تارتىۋالالمىغان. 12-ئاينىڭ 1 — 3-كۈنلىرى ھۆكۈمەتنىڭ سىرتتىن يۆتكەپ كەلگەن قوشۇنى لېئون شەھىرىگە باستۇرۇپ كىرگەنلىكتىن، قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان. ئېنگېلس بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنى «تۇنجى ئىشچىلار قوزغىلىڭى» دەپ ھېسابلىغان. (2) 1834-يىل 4-ئاينىڭ 9-كۈنى لېئان ئىشچىلىرى بىلەن ئۇششاق بۇرژۇئازىيە دېموكراتىزمچىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇشىنى مەنئى قىلىش پەرمانىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئىش تاشلاشقا رەھبەرلىك قىلغان يولباشچىلىرىنى قۇتقۇزۇۋېلىش يۈزىسىدىن قوراللىق قوزغىلاڭ قىلىپ، دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قېتىمقى كۈرەشكە «كىشىلىك ھوقۇقى ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئەزالىرى قاتناشقان. كوچا جېڭى ئالتە كۈن داۋام قىلىپ 15-كۈنى باستۇرۇلغان.

لى ۋەنيوڭ

  • لى ۋەنيوڭ[يەشمىسى:] (1868 — 1926) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى مىللىي خائىن. ئىسمى جىڭدې، تەخەللۇسى يىتاڭ. 1887-يىلى چاۋشيەننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1888-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇۋەققەت ئەلچى بولغان. 1895-يىلى ياپونىيە بىلەن روسىيىنىڭ قارىمۇقارشىلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ مۇداخىلە قىلىشىدەك مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، مائارىپ ۋازارىتىنىڭ ۋەزىرى بولغان. 1896-يىلى روسىيەپەرەس ئۇنسۇر لى فەنجىن بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، چار روسىيە ئەلچىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن پادىشاھنى ئالداپ روسىيە ئەلچىخانىسىغا ئەكىلىۋالغان، جىن خۇڭجى كابىنېتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، روسىيەپەرەسلەرنىڭ يېڭى كابىنېتىنى تەشكىللەپ، ئۆزى دىپلوماتىيە، مائارىپ ۋە يېزا ئىگىلىك، سودا-سانائەت ۋازارەتلىرىنىڭ ۋەزىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىۋالغان. 1901-يىلى ئوردا مەھكىمىسى بىرىنچى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولغان. كېيىن ياپونىيىنىڭ چاۋشيەندىكى تەسىر كۈچى بىردىنلا ئۆسۈپ كەتكەنلىكتىن بىر دومىلاپلا ياپونپەرەس بولۇۋالغان. 1905-يىلى ئېتوخىروبۇمى چاۋشيەننى «يىسى يىلىدىكى ھامىيلىق شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغاندا، باشلامچىلىق بىلەن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياپونىيە ئۈچۈن كۈچەپ كەتمەن چاپقان. كىشىلەر ئۇنى «يىسى بەش ئوغرىلىرى» نىڭ كاتتىبېشى دەپ ئەيىبلەشكەن. 1907-يىلى ياپونىيىنىڭ يۆلىشى بىلەن كابىنېتنىڭ زۇڭلى ۋەزىرى بولغان. گائاگا تىنچلىق يىغىنغا مەخپىي ئەلچى ئەۋەتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سوڭ شىڭجۇن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، پادىشاھ گاۋزۇڭنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلغان. ياپونىيىنىڭ چاۋشيەننى يۇتۇۋېلىشىغا ياردەملەشكەن. 1910-يىلى «كورىيە-ياپونىيە بىرلىشىش شەرتنامىسى» ئىمزالانغاندىن كېيىن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا گراف، ماركىزلىق مەرتىۋىسىنى بەرگەن. 

لىۋونىيە

  • لىۋونىيە[يەشمىسى:] (Livonia، رۇسچە: Ливония) بالتىق دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان، ئەسلىدە لىفلار تارقاق ئولتۇراقلاشقان رايون. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 1561-يىلىغىچە گېرمانىيە رىتسارلار پولكى بېسىۋالغان، كېيىن پولشا ۋە كۇرلاند (Courland) كىنەزلىككە قارام بولغان. 1629-يىلى شۋېتسىيە قوشۇۋالغان. 1721-يىلى روسىيىگە تەۋە بولغان. 1918-يىلى روسىيىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، شىمالىي قىسمى ئېستونىيىنىڭ، جەنۇبىي قىسمى لاتۋىيىنىڭ بىر قىسمى بولغان.

لىۋونىيە رىتسارلار پولكى

  • لىۋونىيە رىتسارلار پولكى[يەشمىسى:] گېرمان تېوتون رىتسارلار پولكىنىڭ بىر تارمىقى. 1237-يىلى شەكىللەنگەن بولۇپ، لىۋونىيىنى باشقۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. 1242-يىلى 4-ئايدا، لىۋونىيە رىتسارلار پولكى مۇز قاپلانغان چۇد كۆلىدە نوۋگورود قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان («مۇز ئۈستى ئۇرۇشى» گە قارالسۇن). شۇنىڭدىن كېيىن شەرققە كېڭەيمىچىلىك قىلمىغان. رىتسارلار پولكىنىڭ باشلىقى رىگا (Рига) شەھىرىدە تۇرۇپ، دۆلەت تەشكىلى قۇرۇپ، ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1410-يىلى 7-ئايدا، تې-وتون رىتسارلار پولكى گرۇنۋارد جېڭىدە پولشا-لىتۋا-روسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن يېڭىلگەن. بۇنىڭ تەسىرى لىۋونىيە رىتسارلار پولكىغىمۇ يەتكەن. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى ئەۋج ئالغاندىن كېيىن، رىتسارلار پولكى يەنىمۇ ئاجىزلاشقان. لىۋونىيە ئۇرۇشى (1558 — 1583) دەۋرىدە مەزكۇر رىتسارلار پولكى 1560-يىلى 8-ئايدا روسىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن يېڭىلگەن. 1562 -يىلى مارتتا پارچىلىنىپ كەتكەن. 

لىۋونىيە ئۇرۇشى

  • لىۋونىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] روسىيىنىڭ بالتىق دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن 1558 — 1583-يىللىرى لىۋونىيە رىتسارلار پولكى ھەمدە پولشا، لىتۋا، شۋېتسارىيە، دانىيىلەر بىلەن قىلغان ئۇرۇشى. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، بىرلىككە كەلگەن روسىيە دۆلىتى شەكىللەنگەن. ئىۋان Ⅳ تەختتىكى دەۋرىدە (1533 — 1584)، ئەتراپىغا مۇستەملىكىچىلىك كېڭەيمىچىلىكىنى كۈچەيتكەن. لىۋونىيە بالتىق دېڭىزى بويىغا جايلاشقانلىقتىن، مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە بولغان، ئىۋان Ⅳ دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياۋروپاغا زوراۋانلىق قىلىش ئۈچۈن، 1558-يىلى 1-ئايدا، لىۋونىيە رىتسارلار پولكى لىتۋا بىلەن بىرلىشىپ روسىيىگە قارشى تۇردى دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۇرۇش قوزغىغان. ئۇرۇش كىچىك ئاقسۆڭەكلەر ۋە شەھەر سودا-سانائەتچىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1559-يىلى ئۇرۇش توختىغان. 1560-يىلى ئۇرۇش قايتا باشلىنىپ، لىۋونىيە رىتسارلار پولكى مەغلۇپ بولغان. 1561-يىلدىن باشلاپ ئۇرۇش يەنە داۋاملىشىپ، روسىيە-فىنلاندىيە قولتۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى زور بىر بۆلۈك يەرلەرنى بېسىۋېلىپ، بالتىق دېڭىزى قىرغىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سېلىپ شۋېتسىيە، دانىيە، پولشا، لىتۋالارنىڭ بىرلىشىپ مۇداخىلە قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇرۇش كېڭىيىپ، روسىيە يېڭىلىپ پولشا (1582) ۋە شىۋېتسىيە (1583) بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ، بېسىۋالغان يەرلىرىدىن ۋاز كەچكەن. 

لىۋىڭىستون

  • لىۋىڭىستون[يەشمىسى:] (DvidLivingstone، 1813 — 1873) ئەنگلىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى، مېسسىئونېر. 1841-يىلى لوندون مېسسىئونېرلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن جەنۇبىي ئافرىقا (بوتسىۋانا) غا دىن تارقىتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ھەمدە ئافرىقىدا كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈش ۋە ئېكسپېدىتسىيە بىلەن شۇغۇللانغان. 1851-يىلى كالاخارې چۆلىنى بېسىپ ئۆتۈپ، زامبېزى دەرياسىغا كېلىپ، يەنە غەربكە بۇرۇلۇپ تەكشۈرگەن.1853-يىلى لۇئانداغا يېتىپ بارغان. ئارقىدىن ئافرىقا قۇرۇقلۇقىنى غەربتىن شەرققە توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈش ساياھىتىنى ئېلىپ بارغان. 1855-يىلى يول ئۈستىدە ۋىكتورىيە شارقىراتمىسىنى تاپقان. 1856-يىلى زامبېزى دەرياسى ئېغىزىغا يېتىپ كەلگەن، ئارقىدىن نىياسا كۆلى، نىل دەرياسىنىڭ مەنبەسى، تانگانىكا كۆلى، باكۋىئولو كۆلى قاتارلىق جايلارنى تەكشۈرۈپ چىققان. ئۇنىڭ تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئافرىقىنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن قولايلىق تۇغدۇرۇپ بەرگەن. ئۇنىڭ «جەنۇبىي ئافرىقىدا دىن تارقىتىش ساياھىتى تەكشۈرۈش خاتىرىسى»، «زامبېزى دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

لىۋىئۇس

  • لىۋىئۇس[يەشمىسى:] (Titus Livius، مىلادىدىن 59 يىل ئىلگىرىدىن مىلادى 17-يىلىغىچە) قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى تارىخشۇناس ۋە ئەدىب. ئىتالىيىنىڭ شىمال قىسمىدىكى باداۋىم (ھازىرقى بادۇيا) دا تۇغۇلغان. دەسلەپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، كېيىن ئۇزاق ۋاقىت رىمدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئىمپېراتور ئاۋگۇست بىلەن قويۇق بېرىش-كېلىش قىلىپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى 142 توملۇق «رىم تارىخى» (تولۇق ئاتىلىشى «رىم بىنا بولغاندىن كېيىنكى تارىخى»). بۇنىڭدىن ھازىر ساقلانغىنى 35 توم (1-تومدىن 10-تومغىچە، مىلادىدىن ئىلگىرى 754-293 يىلغىچە بولغان ئەھۋاللار،21-تومىدىن 45-تومغىچە مىلادىدىن ئىلگىرى 218-167 يىلغىچە بولغان ئەھۋاللار خاتىرىلەنگەن) ھەمدە بىر قىسىم پارچىلاردىن ئىبارەت. ئاپتور بۇ ئەسىرىدە رىم ئىمپېرىيىسىنى ئەتەي ماختىغان، بىراق، بۇرۇنقى جۇمھۇرىيەت سىياسىي تۈزۈمنىمۇ سېغىنغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئاۋگۇستنى «پومپېي تەرەپدارى» دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ ئەسىرىگە كۆپرەك ئەپسانە-رىۋايەتلەر ئارىلاشتۇرۇلغان، يەنە كېلىپ ئەدەبىي ئۇسلۇب بىلەن تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بۇ تارىخىي پاكىتلارنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ قەدىمكى زامان رىم تارىخىدىكى مۇھىم يازما يادىكارلىقى ۋە قەدىمكى زامان ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

لىۋىيە

  • لىۋىيە[يەشمىسى:] (Livia Drusilla، مىلادىدىن ئىلگىرى 58 — 29) قەدىمكى رىم پادىشاھى ئاۋگۇستۇسنىڭ ئايالى، لىۋىئۇس درۇسۇسنىڭ (Marcus Livius Drusus Claudianus) قىزى، دەسلەپ تىبېرىئۇس كلائودىئوسقا (Tiberius Claudius ) تېگىپ، ئۇنىڭدىن تىبېرىئۇس (مىلادى 14-يىلى ئاۋگۇستۇسنىڭ ئورنىغا خان بولغان) ۋە درۇسۇس دېگەن ئىككى ئوغۇل تۇغقان، كېيىن تىبېرىئۇس كلادىئۇستىن ئاجرىشىپ (مىلادىدىن 38 يىل ئىلگىرى) كېتىپ ئاۋگۇستۇسقا ]ئوكتاۋىئان سىرىبونىيە(Seribonia) بىلەن ئاجراشقاندىن كېيىن[يەشمىسى:] [ تەگكەن. ئۇ چىرايلىق بولغاچقا، ئاۋگۇستۇسنىڭ ئىلتىپاتىغا ئىگە بولۇۋالغان؛ ھاكىمىيەت ئىستىكى كۈچلۈك بولۇپ، تىبېرىئۇس ئۈچۈن ۋارىسلىق ھوقۇقى ئالغان (ئاۋگۇستوسنىڭ ئۆز ئوغلى يوق ئىدى)، ئېيتىشلارغا قارىغاندا تىبېرىئۇس ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولمىغانىكەن.

لىۋىيە-سائىس دەۋرى

  • لىۋىيە-سائىس دەۋرى[يەشمىسى:] قەدىمكى مىسىر تارىخىدىكى بىر دەۋر(مىلادىدىن 945 —525 يىل ئىلگىرىكى يىللىرى). 22-سۇلالىدىن 26-سۇلالىغىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىلادىدىن تەخمىنەن 945 يىل ئىلگىرى مىسىردىكى لىۋىيىلىك ياللانما قوشۇننىڭ سەردارى شېشونك (Sheshonk) ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ 22-سۇلالىنى يەنى «لىۋىيە خاندانلىقى»نى بەرپا قىلغان. 23 — 24-سۇلالە ئارقىلىق مىسىردا 200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 730 يىل ئىلگىرى نوبىيە (قۇش) پادىشاھى — پىيانكى(Piankhi) مىسىرنى بېسىۋېلىپ، ناپاتا ( Napata)نى مەركەز قىلىپ، 25-سۇلالىنى (بىر مەزگىل شىمالدىكى 24-سۇلالە بىلەن بىر ۋاقىتتا مەۋجۇت بولغان) بەرپا قىلغان. بۇ «نوبىيە خاندانلىقى»دەپمۇ ئاتالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى مىسىرنى بويسۇندۇرۇپ، تەخمىنەن 20 يىلدەك ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 664 يىل ئىلگىرى سائىس (Sais)شەھىرىنىڭ ھۆكۈمرانى پىسامتېك ئاسسۇرىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، مىسىرنى يېڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 26-سۇلالىنى بەرپا قىلغان. بۇ «سائىس خاندانلىقى» ياكى مىسىرنىڭ «قايتا گۈللىنىش دەۋرى» دەپ ئاتالغان. بۇ خاندانلىق مىلادىدىن 525 يىل ئىلگىرى پېرسىيە تەرىپىدىن يوقىتىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مىسىر ئۇزاق ۋاقىت يات مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالغان.

لىيسىماكو

  • لىيسىماكو[يەشمىسى:] (Lysimachos ياكى Lysimachus، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 360 — 281) تراكىيە رايونىنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 306 — 281). ماكىدونىيىلىك بولۇپ، باتۇرلۇقى بىلەن داڭق چىقارغان (ئىمپېراتور). ئالېكساندرغا ئەگىشىپ شەرققە يۈرۈش قىلىپ، كۈچلۈك سەركەردىسىدىن بۇلۇپ قالغان.ئالېكساندر ئۆلگەن (مىلادىدىن ئىلگىرى 323)دىن كېيىن، تراكىيە (ئېگېي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقى)دىن دۇناي دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى رايونلارغىچە بولغان جايلارغا ئىگە بولغان، شىمال چېگرىسىنى ساقلاش ئۈچۈن، كۈچلۈك بولغان گېتائېلار بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلىپ تۇرغان. ئالېكساندرنىڭ باشقا سەركەردىلىرى بىلەن ۋارىسلىق ھوقۇقى تالاشقان. مىلادىدىن 315 يىل ئىلگىرى پېتولېمىي، سېلېئۇكۇس، كاسساندېر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، كۈچلۈك بولغان ئانتىگونوسⅠگە قارشى تۇرغان، لېكىن دەسلەپتە چوڭ ئىش قىلالمىغان. مىلادىدىن 306 يىل ئىلگىرى ئۆزىنى «پادىشاھ» دەپ ئاتىغان. كېيىن ئەسكەر باشلاپ كىچىك ئاسىياغا كىرىپ، ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك ئىپسۇس (Ipsus)جېڭىگە قاتناشقان (مىلادىدىن 301 يىل ئىلگىرى)، نەتىجىدە ئانتىگونوسⅠنى ھالاك قىلغان؛ يەنە خېللېسپونتوس، ئېگېي دېڭىزىدىن پرىگىيىگىچە(Phrygia) بولغان مۇنبەت جايغا ئىگە بولغان. مىلادىدىن 291 يىل ئىلگىرى يەنە شىمالدىكى «ۋارۋارلار» غا ھۇجۇم قىلىپ، ئوزۇق-تۈلۈك ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن، پۈتۈن قوشۇنى بىلەن تەسلىم بولغان؛ گېتائېلارنىڭ ئاتامانى درومىكائېتېس( Dromichaetes) كۈتمىگەن يەردىن كەڭچىلىك قىلىپ ئۇنى قويۇپ بەرگەن. مىلادىدىن 288 يىل ئىلگىرى پتولېمىي، سېلېئۇكوس ۋە پىرروس بىلەن بىرلىشىپ، ماكىدونىيە رايونىنى ئىگىلەپ تۇرغان دېمېترىئۇس (ئانتىگونوسⅠنىڭ ئوغلى)غا قارشى تۇرغان؛ ئۇ يېڭىلىپ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، ليسىماكو ئۇنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلغان (مىلادىدىن 286 يىل ئىلگىرى).ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، «يۇنانلاشقان» دۇنيا بويىچە كىچىك ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپاغا تۇتاشقان مۇھىم كۈچ بولۇپ قالغان. لېكىن بۇ ھالەتنى ساقلاپ قالالمىغان. ئوردىدىكى ئىچكى ماجىرا ئارقىسىدا ئوغلى ئاگاتوكلېسنى(Agathocles) خاتا ئۆلتۈرگەن، ئوغلىنىڭ ئايالى سېلېئۇكوسنىڭ قېشىغا قېچىپ بېرىپ مەدەت تەلەپ قىلغان. سېلېئۇكوسنىڭ بۇرۇنلا كىچىك ئاسىيانى قولغا چۈشۈرۈش ئويى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەسكەر چىقىرىپ ليسىماكو بىلەن كورۇپېدىئون (Corupedion، كىچىك ئاسىيا) تۈزلەڭلىكىدە ئۇرۇش قىلغان. ليسىماكو جەڭدە ئۆلگەن، دۆلىتى شۇنىڭ بىلەن پارچىلىنىپ كەتكەن.

لى يى

  • لى يى[يەشمىسى:]1682 — 1763) چاۋشيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئالىم، ليۇ شىنيۇەندىن كېيىنكى ئەمەلىي ئىلىم تەرەپدارلىرىنىڭ مۇھىم ئەربابى. ئىسمى زىشىن، تەخەللۇسى شىڭخۇ، كېنگىدو ۋىلايىتى لىجۈ ئايمىقىدىن. بيۇروكرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئەمەل-مەنسەپكە بېرىلمەي، بىر ئۆمۈر پۈتۈن زېھنى بىلەن دەستۇرلارنى تەتقىق قىلغان. ئىلىم تەتقىقاتىدا ئەستايىدىل، پۇختا بولۇپ، تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا ئەھمىيەت بەرگەن. بىلىملىك بولۇپ، ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، ئالگېبرا، تىببىي-دورىگەرلىك قاتارلىق پەنلەرنىڭ ھەممىسىدە مەلۇماتلىق بولغان. يەر تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، شەخسلەرنىڭ زور مىقداردا يەر ئىگىلىۋېلىشىنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ئاقسۆڭەكلەر بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدىكى سالاھىيەت جەھەتتىكى ھاڭنى تۈگىتىپ، قۇل-دېدەكلىك سالاھىيىتىنى پەيدىنپەي بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ «شىڭخۇ ھەسرەتنامىسى»،«پۇرچاق قايغۇسى»،«شىڭخۇ ئەسەرلىرى توپلىمى»،«شەرق تەرىقەت خاتىرىسى»،«يېڭىدىن تۈزۈلگەن 47 قوللانما» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ليتتون تەكشۈرۈش ئۆمىكى

  • ليتتون تەكشۈرۈش ئۆمىكى[يەشمىسى:] خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ 1931-يىلدىكى «18-سېنتەبر» ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش يۈزىسىدىن ئەۋەتكەن تەكشۈرۈش ئۆمىكى. ئۆمەكنىڭ باشلىقى ئەنگلىيىلىك ليتتون بولغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۆمەكنىڭ ئەزالىرى ئىتالىيىلىك ماكارت، فرانسىيىلىك كلوت، ئامېرىكىلىق مىكويى، گېرمانىيىلىك ھېنى قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان. ئۇلار 1932-يىلى 2-ئايدا ياۋروپادىن يولغا چىقىپ، 3-ئايدا جۇڭگوغا يېتىپ كېلىپ، «تەكشۈرۈش» ئېلىپ بېرىپ، 10-ئايدا «ليتتون دوكلادى»نى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا«جۇڭگونىڭ شەرقىي ئۈچ ئۆلكىسى — جۇڭگونىڭ بىر قىسمى» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. ياپونىيە قوزغىغان «18-سېنتەبر ۋەقەسى»نىڭ قانۇنلۇق «ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ۋاسىتىسى» ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن. بىراق دوكلاتتا ياپونىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئالاھىدە مەنپەئىتى ئېتىراپ قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا «مانجۇرىيە ئاپتونومىيە» ھۆكۈمىتى قۇرۇشنى، ئىگىلىك ھوقۇقى جۇڭگونىڭ قولىدا بولۇشىنى، ياپونىيىنى ئاساس قىلغان چەت ئەلنىڭ تىزگىنلەپ تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭدا يەنە چەت ئەللىك ئىنىسترۇكتور (ھەربىي ئوقۇتقۇچى) قويۇلغان ئالاھىدە بىر ژاندارما — ساقچى ئەترىتى تەشكىللەشنى، چەت ئەللىكلەرنى «مەسلىھەتچى»لىككە قويۇپ، جۇڭگونىڭ مالىيە، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئۈستىدىن نازارەت قىلىشنى تەكلىپ قىلغان. خەلقئارا ئىتتىپاق «ليتتون دوكلاتنامىسى»نى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن 19 دۆلەت كومىسسىيىسى تەشكىللىگەن ھەمدە بىر تەكلىپ لايىھىسى بىلەن دوكلاتنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭدا «مانجۇرىيە»نىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى جۇڭگوغا مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن، شەرقىي شىمال قورچاق ھاكىمىيىتى ئىنكار قىلىنغان، ياپونىيە بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، 1933-يىلى 3-ئايدا خەلقئارا ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. 

ليساندېر

  • ليساندېر[يەشمىسى:]Lysandros ياكى Lysander، مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 395). سپارتا ھەربىي باش قوماندانى. نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. كېيىن پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، سپارتانىڭ مەشھۇر سەركەردىسىگە ئايلانغان. پېلوپۇننېس ئۇرۇشىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، مىلادىدىن 408 يىل ئىلگىرى سپارتا فلوتىغا قوماندانلىق قىلىپ، نوتىئۇم (Notium)دېڭىز تۇمشۇقىدا ئافىنا دېڭىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. كىچىك ئاسىيادىكى ئېفسوسنى تايانچ پونكىت قىلىپ، سپارتانىڭ تەسىرىنى كېڭەيتكەن. مىلادىدىن 405 يىل ئىلگىرى ھېلېلسپونت بوغۇزىدىكى ئىگوسپوتام (تىكە) دەرياسى بويىدىكى جەڭدە ئافىنا دېڭىز ئارمىيىسىنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچرىتىپ (پەقەت كونون قوماندانلىقىدىكى سەككىز ھەربىي كېمىسى قېچىپ قۇتۇلالىغان)، ئافىنانىڭ مەغلۇبىيىتى مۇقىملاشقان. ئۇنىڭدىن كېيىن توپتوغرا ئاتتىكاغا بېسىپ كىرىپ، «ئۇزۇن سېپىل»نى بۆسۈپ ئۆتۈپ، پىرائېۋس پورتىنى ئالغان، مىلادىدىن 404 يىل ئىلگىرى ئافىنا شەھىرىنى ئىشغال قىلغان؛ ئافىنا تەسلىم بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن پېلوپۇننېس ئۇرۇشى ئاياغلاشقان. كېيىن ئافىنادا كرىتىي باشچىلىقىدىكى ئوتتۇز زالىم ھۆكۈمرانلىقىنى يۆلەپ تۇرغۇزغان، باشقا شەھەر دۆلەتلەردىمۇ بارلىق كۈچى بىلەن ئاقسۆڭەكلەر تەسىر كۈچىنى يۆلەپ، دېموكراتىك ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سپارتانىڭ پۈتكۈل گرېتسىيىدىكى خوجايىنلىق قىلىش ئورنىنى تىكلەشكە ئۇرۇنغان؛ ئۇنىڭ كېڭەيمىچىلىك قىلىش، مۇداخىلە قىلىش سىياسىتى، ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇزاق ئۆتمەي يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، سپارتادىكى كاتتا بايلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 397 يىل ئىلگىرى پادىشاھ ئاگېس Ⅱ ئۆلۈپ ئاگېسلاۋىنى تەختكە چىقىرىشتا تۆھپىسى بولغاچقا، سېناتقا قاتناشقان. ھوقۇقىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن قارا نىيىتىنى ئاشكارىلىغان، شائىرلارنىڭ مەدھىيىلىرىنى قوبۇل قىلغان ھەتتا كىشىلەرنى ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سېلىپ چوقۇنۇشىغا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنىڭ ئەندىشە ۋە قارشىلىقىنى قوزغىغان. مىلادىدىن 395 يىل ئىلگىرى كورىنتوس ئۇرۇشى پارتلاپ تېبىسلىقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئۆلگەن. 

ليكۇرگۇس

  • ليكۇرگۇس[يەشمىسى:]Lycourgos ياكى Lycurgus ، مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن Ⅸ ياكى Ⅷ ئەسىرلەر) رىۋايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان سپارتالىق قانۇنچى. ئۇنىڭ تۇغۇلغان، ئۆلگەن ۋاقتى ۋە ئىش ئىزلىرى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر قەدىمدىن تارتىپ ئېيتىلىشى ئوخشاش ئەمەس. ئېيتىلىشىچە ئۇ، سپارتانىڭ ياش پادىشاھىنىڭ تاغىسى بۇلۇپ نائىب بولغانىكەن. ئۇ، كرىت ئارىلى بىلەن غەربىي ئاسىيا قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ چىققانمىش. دېلىفى خۇدا ئاپوللوننىڭ ئەمرى بىلەن، سپارتالىقلارغا غەيرىي رەسمىي«رېترا»(Rhetrae، پەندى-نەسىھەت ياكى قانۇن مەنىسىدە) تۈزۈپ بەرگەنمىش. باي-كەمبەغەل، باراۋەرسىزلىك ھالىتىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، يەرنى قايتىدىن تەقسىم قىلغانمىش؛ سپارتا جەڭچى سانىغا ئاساسەن، سپارتاغا تەۋە ھەممە يەرلەرنى 9000 پارچىغا بۆلۈپ ھەرقايسى ئائىلىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە تەڭ تەقسىم قىلىپ بەرگەنمىش. بۇنىڭدىن باشقا لاكونىيىنىڭ يېرىنىمۇ 30 مىڭ پارچىغا بۆلۈپ، بويسۇنغۇچى پېرىئىكىلار (Perioeci، چېگرا خەلقى مەنىسىدە)غا بۆلۈپ بەرگەنمىش. ئۇ، يەنە سېنات (ئاقساقاللار كېڭىشى) ئەزالىرى سانىنى (28 كىشى يەنە ئىككى پادىشاھ قوشۇلۇپ) بەلگىلەپ بەرگەنمىش، كوللېكتىپ تاماق يېيىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى يولغا قويغانمىش، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى سپارتا قەدىمىي تۈزۈمى ۋە ئەنئەنىسىگە ئاساس سالغۇچى دەپ قاراپ كەلگەن. ئېيتىلىشىچە ئۇ تۈزگەن ئادەت قانۇن-نىزامنى، سپارتالىقلار مەڭگۈ بۇزماسلىققا قەسەم بەرگەنمىش، ھەتتا كېيىنكىلەر ئۇنى تەڭرى ھېسابلاپ، نەزىر-چىراغ قىلىپ كەلگەنمىش. ھازىرقى زامان تەتقىقاتچىلىرى بۇنى توقۇپ چىقىلغان شەخس بولۇپ سپارتالىقلارنىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئادالەتلىك غايىسىنىڭ بىر خىل سىمۋولى دەپ قارىماقتا؛ بۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي ئۆتكەن شەخس دېگەننى تەشەببۇس قىلغۇچىلارمۇ بار.

لېياڭجې

  • لېياڭجې[يەشمىسى:] چاۋشيەن سىللانىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ داھىيسى. مىلادى 889-يىلى (ئايال پادىشاھ جېنشېننىڭ 3-يىلى) سىللانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغان، ئۇ بېييۇەن شياۋجىڭ (جياڭيۇەنداۋ ئۆلكىسىنىڭ يۇەنجۇ ئوبلاستىدا) قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا رەھبەرلىك قىلغان. 892-يىلى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان راھىب گوڭيىغا ئىشىنىپ، ئۇنى ئەسكەر باشلاپ لۈيجۇ ناھىيىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇغان. گوڭيىنىڭ كۈچى كېڭىيىپ، 897-يىلى (شياۋگوڭۋاڭنىڭ بىرىنچى يىلى) لياڭجېدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئالدىغا تۇغ تىكلەپ، سوڭياۋ (ھازىرقى كەيچېڭ) شەھىرىگە يۆتكىلىپ كەتكەن.لياڭجې ئەسكەر باشلاپ گويۈەن (جوڭچىڭ بېيداۋ ئۆلكىسىنىڭ جوڭجۇۋ ئوبلاستىدا)قاتارلىق 30 نەچچە شەھەرنى تارتىۋالغان، 899-يىلى گوڭيىغا ھۇجۇم قىلىپ، پېياۋچېڭ شەھىرىدە سوقۇشقان، ئاخىرىدا مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەن.

ليۇدېگوڭ

  • ليۇدېگوڭ[يەشمىسى:]1748 — ؟) چاۋشيەن لى سۇلالىسىلىق ئەدىب ۋە شائىر. ئىسمى خويفىڭ، لەقىمى لىڭرۇي. لى دېماۋ، پوجىجا، لى شوجۇ قاتارلىقلار بىلەن يېڭى خەنزۇشۇناسلىق مەزھىپىدىكى تۆت ئەدىب دەپ ئاتالغان. 1779-يىلى كۇيجاڭگى كۇتۇپخانىسىنىڭ مۇھەررىرى بولغان.ناھىيە بېگى، ۋىلايەت ئامبىلى ۋە مەھكىمە ئەمەلدارى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ئۇنىڭ «گويۇنتاڭ سارىيى خاتىرىلىرى»، «ياڭيى توپلىمى»،«بوخەي دېڭىزى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش»،«تۆت ۋىلايەت تەزكىرىسى»ۋە«لىڭرۇي توپلىمى» قاتارلىق كىتابلىرى بار. ليۇدېگوڭ چاۋشيەن ئەدەبىيات تارىخىدا خېلىلا تەسىرگە ئىگە.

ليۇچېڭلوڭ

  • ليۇچېڭلوڭ[يەشمىسى:]1542 — 1607) چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسى مەزگىلىدىكى سىياسىئونى. چىڭ شاڭبېيداۋ ۋىلايىتى ئەندوڭ ناھىيىسىنىڭ فىڭشەن دېگەن يېرىدىن. ئىسمى ئىرجەن، تەخەللۇسى شيا، ھۈرمەت نامى جۇڭگوڭ. 1562-يىلى (مىڭزۇڭنىڭ 17-يىلى) تاۋشەن تېغىدىكى لى خۇاڭدىن ئىلىم ئۆگەنگەن. 1565-يىلى (مىڭزۇڭنىڭ 21-يىلى) ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ پەرمانبەردار، ئەمەلدارلار پىرقىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى، شىغاۋۇل پىرقىسىنىڭ سوراقچىسى، ئوڭ قول مەسلىھەتچى قاتارلىق ئەمەللەرگە تەيىنلەنگەن. دوڭرىنداڭ پىرقىسىنىڭ ئاساسلىق ئادىمى، جەنۇبلۇقلار مەزھىپىنىڭ باشلىقى بولغان.1592-يىلى (شۇەنزۇنىڭ 25-يىلى)باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەن. رىنچېن ۋەتەن ئۇرۇشى ۋاقتىدا پادىشاھقا ھەمراھ بولۇپ غەربكە چىققان.ئۇرۇش ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ۋەزىرلىكتىن قالدۇرۇلغان. كېيىن ئاستانە كۆزەتكۈچىسى بولغان، ئىككىنچى يىلى مەشق ئورنى قۇرۇپ، چامباشلىقنى ئۆگەتكەن، يەنە جۇڭچىڭ، چۇەنلۇ، چىڭشاڭ ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ھەربىي قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. شۇ يىلى 10-ئايدا، شۇەنزۇ پايتەختكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن باش ۋەزىرلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، 1597-يىلى يەنە پايتەختنىڭ شىمالىدىكى تۆت ۋىلايەتنىڭ ھەربىي ئاتامانى بولغان. 1598-يىلى مەزھەپ تالاش-تارتىشى تۈپەيلىدىن ئىستېپا بېرىپ يۇرتىغا قايتىپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.

ليۇگىچىلار

  • ليۇگىچىلار[يەشمىسى:]Люгичи)پولابىسكىي سلاۋىيانلىرىنىڭ بىر تارمىقى. ئۇلار ئوردا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ غەربى، بالتىق دېڭىز بويلىرىغا تارقالغان بولۇپ، ئوبودرىتېلار بىلەن قوشنا. مىلادى Ⅷ ئەسىردە قەبىلە ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، گېرمانلار بىلەن دانىيىلىكلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان. Ⅹ ئەسىردىن Ⅺ ئەسىرگىچە ئۆز مۇستەقىللىكىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغان. Ⅻ ئەسىرنىڭ باشلىرى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى لوتارⅡ تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. گېرمان فېئوداللىرى ئۇلارنىڭ زېمىنىدا براندېنبۇرگ كىنەزلىكىنى قۇرغان. ليۇگىچىلار ⅪⅤ ئەسىرنىڭ باشلىرى گېرمانلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنغان. 

ليۇس

  • ليۇس[يەشمىسى:]Henry Robinson Luce، 1898 — 1967) ئامېرىكىلىق نەشرىياتچى. مىسسىئونېرنىڭ ئوغلى. جۇڭگو شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دېجۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان. يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خۇجىس( Hodges)ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. كېيىن چىكاگو«پالىرمو ئاخباراتى»گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بولغان. 1923-يىلى ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ «دەۋر» ژۇرنىلىنى چىقارغان. كوممۇنىزمغا قارشى تۇرۇپ، «ئەركىنلىك»نى قوغداش كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرغان. 1930-يىلى كارخانا دىرېكتورلىرى ئوقۇشلۇقى بولغان «بەخت» ئايلىق ژۇرنىلىنى چىقارغان. 40-يىللىرى دەۋر نەشرىيات شىركىتىنىڭ ئاساسلىق ھەسسىدارلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. 50-يىللاردا «دەۋر»، «بەخت»، «بىناكارلىق مۇنبىرى»،«تۇرمۇش»،«ئائىلە» ۋە قىستۇرما رەسىملىك «ئويۇن-تاماشا»قاتارلىق ژۇرناللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ژۇرنال ئىمپېرىيىسى»نى قۇرغان. ھازىرقى زامان يېڭى ئاخبارات ژۇرنالچىلىقى ۋە گۇرۇھلار ئاخباراتچىلىقى ئوقۇمىنى ئاچقان ھالقىلىق شەخس سۈپىتىدە تونۇلغان.

ليۇ شىنيۇەن

  • ليۇ شىنيۇەن[يەشمىسى:]1622 — 1673) چاۋشيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئالىم ئەمەلىي بىلىم تەرەپدارلىرىنىڭ ئاساسچىسى. ئىسمى دېفو، لەقىمى پەنشى. 1654 يىلى تەشرىپدار بولغاندىن كېيىن ئەمەلدارلىقتىن رايى قايتىپ، باشتىن-ئاخىر چۇەنلو ۋىلايىتى فوئەن ناھىيىسىدىكى پەنتوڭ كەپىسىدە بىلىم تەھسىل قىلغان. چەت ئەل كلاسسىك كىتابلىرىنى تەتقىق قىلغان ۋە رېئال جەمئىيەتتىكى خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىگە ئېتىبار بەرگەن. يىگىرمە ئالتە توملۇق «پەنشى خاتىرىلىرى»نى يېزىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئەمەلىي بىلىم تەرەپدارلىرى ئۈچۈن ئاساس تىكلىگەن. ئۇنىڭ يەنە «تەلەپپۇزنى توغرىلاش قوللانمىسى»، «يۇدېنىڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى»،«شەرق ئېلىنىڭ تارىخىدىن ماددىلار» قاتارلىق كىتابلىرى ئەمەلىي بىلىم تەرەپدارلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. «پەنشى خاتىرىلىرى» ناملىق كىتاب 1770-يىلى يىڭزونىڭ ئەمرى بىلەن نەشىر قىلىنغان.

ليۇكترا جېڭى

  • ليۇكترا جېڭى[يەشمىسى:] يۇناندىكى شەھەر بەگلىكلىرىدىن تېبېس بىلەن سپارتا ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق جەڭ. تېبېس ئوتتۇرا يۇناندىكى چوڭ بەگلىك، شۇنداقلا بوئېتىيا رايونى ئىتتىپاق باشلىقى بولۇپ، يۇناندا زومىگەرلىك قىلىپ يۈرگەن سپارتامۇ ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلىگەن. مىلادىدىن 371 يىل ئىلگىرى، پۈتۈن يۇنان بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، سپارتا تېبېستىن بوئېتىيا ئىتتىپاقىنى تارقىتىۋېتىشنى تەلەپ قىلغاندا، رەت قىلىنغان. سپارتا پادىشاھى كىلېئومبروت (Cleombrotus، مىلادىدىن 371 — 380 يىل ئىلگىرى تەختتە تۇرغان) ئەسكەر باشلاپ كېلىپ (تەخمىنەن 11 مىڭ ئادەم)بوئېتىياغا بېسىپ كىرىپ، ليۇكترادا ئېپامىنوندا (پېلوپىدا) يېتەكچىلىكىدىكى تېبېس قوشۇنى (تەخمىنەن 7500 ئادەم) بىلەن ئۇچراشقان. تېبېس قوشۇنى «قىيپاش شىنا» شەكلىدە سەپ تارتقان (سەپنىڭ سول قانىتىنى كۈچەيتىپ، قالقانلىق ئەسكەرلەرنى 50 رەتكە يەتكۈزگەن ھەمدە نەيزە بىلەن قوراللاندۇرغان)، قاتتىق جەڭ نەتىجىسىدە، سپارتا قوشۇنى قاتتىق مەغلۇپ بولغان، پادىشاھ ئۇرۇشتا ئۆلگەن. بۇ جەڭ سپارتانىڭ زومىگەرلىكىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئېپامىنوندا پېلوپوننېسو(جەنۇبىي يۇنان)غا يۈرۈش قىلغان، پېلوپوننېسو ئىتتىپاقىمۇ پارچىلانغان.

ليۇكسېمبۇرگ

  • ليۇكسېمبۇرگ[يەشمىسى:]Rosa Luxemburg، 1871 — 1919) گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ۋە 2-ئىنتېرناتسىئونال سولچىلىرىنىڭ داھىيسى، گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. پولشالىق يەھۇدىي بۇرژۇئا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ۋارشاۋادا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. 1893-يىلى پولشا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1897 -يىلى گېرمانىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ھەمدە گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە سوتسىيالىستىك ھەرىكەتلەرگە پائال قاتناشقان. گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە 2-ئىنتېرناتسىئونالدا بېرنىشتېيىن رېۋىزىئونىزمىغا قارشى كەسكىن كۈرەش ئېلىپ بارغان. 1906-يىلى روسىيىگە بېرىپ ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ۋارشاۋاغا يېتىپ بارغاندا قولغا ئېلىنغان. 1907-يىلى 2-ئىنتېرناتسىئونال شتۇتگارت (Stutgart)قۇرۇلتىيىدا لېنىن، بېبېل قاتارلىق سولچىلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، مىلىتارىزمغا قارشى تۇرۇش ھەم جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پارتىيە ئىچىدىكى سولچىل داھىيلار بىلەن بىللە«سپارتاكچىلار»نى تەشكىللەپ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا ۋە سوتسىيال شوۋىنىزمغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان. 1915-يىلى مېرىڭ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشقا قارشى«ئىنتېرناتسىئونال»ناملىق ژۇرنال تەسىس قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا قولغا ئېلىنغان. تۈرمىدە «يۇنئۇس» تەخەللۇسى بىلەن «سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ كرىزىسى» دېگەن مەشھۇر كىتابچىنى يېزىپ، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ساتقىنلىق ھەرىكەتلىرىنى پاش قىلىپ، يۇنكېر-بۇرژۇئا ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرغان. لېكىن كىتابتا ئۇششاق بۇرژۇئا تىنچلىقپەرەسلىك كۆز قارىشى مەۋجۇت بولغان. 1916-يىلى تۈرمىدىن بوشىتىلغاندىن كېيىن، جاھانگىرلىككە ۋە ئۇرۇشقا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرغانلىقى ھەم ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇ يىلى 7-ئايدا يەنە قولغا ئېلىنغان. 1918-يىلى قاماقتىن چىققاندىن كېيىنلا گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابىغا قاتناشقان ھەمدە گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇش بىلەن پائال شۇغۇللانغان. 1919-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى كارل لېبكنېخت (Karl Liebknecht) بىلەن بىللە ئوڭچىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

ليۇكسېمبۇرگ خاندانلىقى

  • ليۇكسېمبۇرگ خاندانلىقى[يەشمىسى:] مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىدىكى فېئودال خاندانلىق (1308 — 1313، 1346 — 1400، 1410 — 1437). ليۇكسېمبۇرگ گرافى ھېنرى(ھېنرى Ⅶ) قۇرغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1310-يىلى ھېنرى Ⅶ نىڭ ئوغلى جون (ليۇكسېمبۇرگلىق) چېخ كورۇلىنىڭ ۋارىسىغا ئۆيلەنگەنلىكتىن، ليۇكسېمبۇرگ خاندانلىقى چېخ كورۇللۇقىنىمۇ (1310 — 1437) قوشۇمچە ئۆتىگەن.چارلېس Ⅳ تەختتىكى ۋاقتىدا ئوبېرپفاتىس( Oberpfatz، بالادىن) رايوننىڭ بىر قىسمىنى، نىدېرلاۋزىتىس(Niederlausitz) ۋە براندېنبۇرگ( Brandenburg)لارنى قوشۇۋالغان. خان جەمەتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق يەرلەر كېڭەيگەن بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھلىق ھوقۇقى ئاجىزلاپ، كىنەزلىكلەرنىڭ كۈچى بارغانسېرى زورايغان. 1356-يىلى چارلېسⅣ «ئالتۇن تامغىلىق يارلىق»ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، پادىشاھنى پادىشاھ سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە يەتتە كىنەز سايلايدىغانلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان. سىگىسمۇند ۋېنگرىيە كورۇلى لۇئىنىڭ قىزى (تەخت ۋارىسى)غا ئۆيلەنگەندىن كېيىن، ليۇكسېمبۇرگ خاندانلىقى ۋېنگرىيە پادىشاھلىقىنىمۇ قوشۇمچە ئۆتىگەن (1387 — 1437).[FT5,5NDA] سىگىسمۇند تەختتىكى چاغدا پاپا بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، چېختىكى خۇسچىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرغان. 

ليۇكىپپۇ

  • ليۇكىپپۇ[يەشمىسى:]Leucipus ياكى Leukippos) قەدىمكى يۇنانلىق پەيلاسوپ. «ئاتوم نەزەرىيىسى»نىڭ ئىجادچىسى دېگەن قاراش بار. كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى مىلېتۇس (Miletus) شەھىرىدە تۇغۇلغان ياكى تۇرغان)، ئۇ يەردە دەسلەپكى مەزگىللەردىكى تەبىئەت پەلسەپىسى ئىلمىي ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. جەنۇبىي ئىتالىيىگە بېرىپ، ئېلېئا (Elea) ئىلمىي ئېقىمىدىكى پارمېندې ۋە زېنولاردىن ئۆگەنگەن. مىلادىدىن 440 يىل ئىلگىرى ئەتراپىدا كراكىيىدىكى ئابدېرا(Abdera)دا ئاتوم نەزەرىيىسى ئىلمىي ئېقىمىنى بەرپا قىلغان (ئۇنى ئابدېرالىق دېگەن گەپمۇ بار)، مۇشۇ ئېقىمنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى دېموكرىتنىڭ ئۇستازى. بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن «كەڭ ئالەم»ۋە «روھ توغرىسىدا» دېگەن ئەسەرنىڭ قالدۇق قىسىملىرى زادى ليۇكىپپۇنىڭ ئىكەنلىكى ياكى دېموكرىتنىڭ ئىكەنلىكى، ياكى ئۇلار بىرلىشىپ ئىشلىگەنلىكىنى قارارلاشتۇرۇش تەس. ئومۇمەن قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان قاراش: ليۇكىپپۇ ئاتوم نەزەرىيىسىگە ئاساس سالغان، ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرى ئالەم چەكسىز، ئۇنىڭ ئەسلى بۆلۈنمەس«ئاتوم»، ئاتوم بوشلۇقتا قاينام شەكلىدە ھەرىكەت قىلىپ كائىناتنى ھاسىل قىلىدۇ، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۆزىگە خاس مۇقەررەرلىككە ئىگە بولىدۇ دېگەندىن ئىبارەت. دېموكرىت بولسا بۇ نەزەرىيىنى تېخىمۇ يېتىلدۈرگەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن. بىراق، كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئېپىكورۇش ليۇكىپپۇ دېگەن ئادەمنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان؛ بۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلار كۆپ ئەمەس، چۈنكى ئارستوتېلنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇ كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان.

ليومپىن پرولېتارلار

  • ليومپىن پرولېتارلار[يەشمىسى:] «رىم پرولېتارلىرى»غا قاراڭ.