ئە
ئەپقېچىپ نىكاھلىنىش
ئەپقېچىش قانۇنى
ئەرتوغرۇل
ئەرزېرۇم شەرتنامىسى
ئىزاھى
ئەپقېچىپ نىكاھلىنىش[يەشمىسى:] يەنى بۇلاپ نىكاھلىنىش. ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدە بارلىققا كەلگەن بىر خىل نىكاھلىنىش شەكلى. بۇ ئەرلەرنىڭ زورلۇق كۈچ بىلەن باشقا قەبىلىلەردىن ئۆزىگە جۈپ ئەپقېچىپ كېلىشنى كۆرسىتىدۇ. تەخمىنەن توپ نىكاھلىنىشتىن جۈپ نىكاھلىنىشقا، ئانا جەمەت ئۇرۇقداشلىقتىن ئاتا جەمەت ئۇرۇقداشلىققا ياكى خوتۇن تەرەپتە تۇرۇشتىن ئەر تەرەپتە تۇرۇشقا قاراپ ئۆتۈۋاتقان ئۆتكۈنچى دەۋردە بارلىققا كەلگەن. جۈپ نىكاھلىنىش شارائىتىدا ئەرلەر توپ نىكاھلىنىش شارائىتىدىكى كۆپ خوتۇنلۇق ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغاچقا، مۇشۇ خىل ھوقۇقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئاياللارنى ئەپقېچىش ھادىسىلىرىنى سادىر قىلغان بولسا كېرەك. كېيىن خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە قۇللۇق تۈزۈمنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئەپقېچىش يېڭى خاراكتېر ۋە يېڭى مەزمۇنغا ئىگە بولغان. ئاياللارنى بىر خىل مۈلۈك ۋە قۇل سۈپىتىدە بۇلاڭ- تالاڭ قىلىدىغان ۋە ئېلىپ- ساتىدىغان بولۇپ قالغان. ئۆزگەرگەن بىر خىل ئۆرپ- ئادەت سۈپىتىدە ئەپقېچىپ نىكاھلىنىشنىڭ قالدۇقلىرى بەزى قەبىلە ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىچىدە ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى كۆپرەك. يىگىت ئۆزى ياكى ئۇنىڭ يارۇ- بۇرادەرلىرى بىلەن بىرلىكتە زورلۇق كۈچ ئىشلەتكەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ،كېلىننى ئائىلىسىدىن ئەپقاچقان. ئەپقېچىپ نىكاھلىنىش بىر خىل ئائىلە شەكلىنى ھاسىل قىلالمايدۇ بەلكى پەقەت بىر خىل جورا ئىزدەش ئۇسۇلىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئومۇملۇققىمۇ ئىگە ئەمەس. ئەنگلىيىلىك ئالىم ماكلېننان تۇنجى قېتىم «ئەپقېچىپ نىكاھلىنىش» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى قوللانغان، ئۇ بۇنى گويا ئومۇميۈزلۈك ئائىلە شەكلى دەپ قارىغان ھەمدە ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان «قەبىلە سىرتىدىن نىكاھلىنىدىغان» قەبىلە بىلەن «قەبىلە ئىچىدە نىكاھلىنىدىغان» قەبىلىنىڭ قارىمۇ قارشىلىقى، شۇنىڭدەك بوۋاق قىزلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن پەيدا بولغان قىزلارنىڭ كەمچىل بولۇشىنى ئەپقېچىپ نىكاھلىنىشنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى سەۋەب دەپ قارىغان. بۇ خىل نۇقتىئىنەزەرنىڭ ھېچبىر ئاساسى يوق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.
ئەپقېچىش قانۇنى[يەشمىسى:] 1872-يىلى ئەنگلىيە ئېلان قىلغان تىنچ ئوكيان ئاراللىرىدىكى يەرلىكلەرنى قوغداش قانۇنى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرى زورلۇق ۋە ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن، تىنچ ئوكياننىڭ بەزى ئاراللىرىدىكى يەرلىك ئاھالىنى ئاۋسترالىيىگە ئاپىرىپ توختاملىق ئىشچى قىلىپ ساتقان. قۇل ساتقۇچىلارنىڭ يەرلىكلەرگە قىلغان ئادەم قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىسى جامائەتچىلىكنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ قانۇننى نائىلاج ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە پاراخوتلىرىنىڭ ئەنگلىيىنىڭ ئاۋسترالىيىدە تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسىنىڭ رۇخسىتىسىز يەرلىك ئەمگەكچىلەرنى توشۇپ سېتىش ھەرىكىتىگە قاتناشماسلىقى، شىكايەتتە يەرلىكلەر تەمىنلىگەن دەلىل- ئىسپاتلارنى سوتنىڭ ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن. لېكىن بۇ قانۇن قۇل ساتقۇچىلارنىڭ يەرلىك ئەمگەكچىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشىنى توسۇيالمىغان.
ئەرتوغرۇل[يەشمىسى:]Ertogrul ياكى Ertughrul تەخمىنەن 1281— 1191) ئوسمان تۈركلىرىنىڭ باشلىقى. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا لەشكەر تارتىپ كىچىك ئاسىياغا كىرىپ، رۇم سۇلتانلىقىغا بېقىنغان ھەمدە كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىدا بىر پارچە خوجىلىق يەرگە ئىگە بولغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى ئوسمان ۋارىسلىق قىلغان.
ئەرزېرۇم شەرتنامىسى[يەشمىسى:] ئىران بىلەن تۈركىيە ئىمزالىغان تىنچلىق شەرتنامىسى. تۈركىيىنىڭ شەرقىدىكى ئەرزېرۇم (Erzerum) دا ئىمزالانغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئىران بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا بىرنەچچە قېتىم ئۇرۇش بولغان. ئەنگلىيە بىلەنروسىيە ئىران- تۈركىيە ماجىراسىنى ھەل قىلىپ، ئارىدىن مەنپەئەت ئېلىش ئۈچۈن، ئەرزېرۇمدا تىنچلىق يىغىنى چاقىرىشنى تەكلىپ قىلغان، ئۇنىڭغا تۆت دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. بىرنەچچە يىل سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئىران بىلەن تۈركىيە 1847- يىلى 5- ئايدا شەرتنامە تۈزگەن. شەرتنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىران تالاش- تارتىش بولۇۋاتقان سۇلايمانىيە ۋە زوھاب رايونىنىڭ غەربىدىكى ئىگىدارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن؛ تۈركىيە ئىراننىڭ مۇھەممەرا ۋە ئەرەب دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىكى ھوقۇقىنى ۋە بۇ رايوندىكى دېڭىز قاتنىشى ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ھەج قىلىشقا بارىدىغان ئىرانلىقلارغا توسقۇنلۇق قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلغان. ئىككى تەرەپ بىرلەشمە ھەيئەت تەشكىل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرىسىنى ئايرىشقا ماقۇل بولغان، ھەيئەتكە ئەنگلىيە، روسىيە ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. لېكىن ئىران بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەرەب دەرياسىنىڭ چېگرىسى ئايرىلمىغان.