ر🔗

ر

راباخ

رابېلى

راپاللو شەرتنامىسى

راتتاززى

راتېنائۇ

راجاپۇترا سلادىتىيا

راجاگرىھا

راجان

راجپۇت

رادا

راداماⅠ

رادوسلاۋوۋ

رادومىر قوراللىق قوزغىلىڭى

رادېسكي

رادىچ

رادىئو ئاكتىپلىق كاربون ئارقىلىق دەۋرنى بېكىتىش

رازادارىت

رازادارىتنىڭ ئىش ئىزلىرى تارىخى

رازى

رازىن قوزغىلىڭى

راستات سۈلھ شەرتنامىسى

راسپايىل

راشىت شەرتنامىسى

رافلېس

راففېللو

راكوس

راكوۋىسكىي

راكۇئىچى . راكوزا

راماⅠ

راماⅣ

راماⅤ

راماⅦ

راماⅧ

راماتىبودى

رامادىئېر

راماكرىشنا

رامان

رامايانا

رامبۇد

رامسېسⅡ

رانادې

راناۋالوناⅠ

رانجىت سىنگ

رانكې

رانكېچىلىق ئىلمىي ئېقىمى

راۋالپىندى سۈلھ شەرتنامىسى

راۋلىنسون

راۋلىنسون

راۋېننا

رائېتىيە

رائېدېر

رائى

رائىليات ۋارى تۈزۈمى

راي

رانىيلاي ئارىۋورنى

رايياما

رەت قىلىش ھوقۇقى

رەشىدىددىن

رەنلىشى خاتىرىلىرى

روبېرتىس

روبېسپېر

روبېسون

روبىنسون

روتو

روتىشتېيىن

روجىكېتونا

روخاس

روخلفىس

رودزيانكو

رودو

رودوس

روژدېستۋو بايرىمى

روساس

روستىسلاۋ

روسسېللىن

روسسىنى

روسې

روسېتا يادنامىسى

روسېنبېرگ

روسىيە ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاش كومىتېتى

روسىيە-پولشا ئۇرۇشى

روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى

روسىيە سوتسىيال دېموكراتلار ئىشچىلار پارتىيىسى

روسىيە فېۋرال ئىنقىلابى

روسىيە-فرانسىيە ئىتتىپاقى

روسىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى

روسىيە ئىنقىلابىي دېموكراتىزملىق تارىخشۇناسلىقى

روسىيە-ياپونىيە ئۇرۇشى

روسىيىنىڭ 1861-يىلىدىكى ئىسلاھاتى

روسىيىنىڭ تۇنجى قېتىملىق بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى

روسىيىنى ئېلېكترلەشتۈرۈش پىلانى

روكفېللېر

روكۇخاراتەنتى

روگېرⅡ

رولان

رولان خانىم

روللو

رومانوۋ سۇلالىسى

روممېل

رومولۇس

رومېن روللان

رومىنىيە بىلەن ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا بېجى ئۇرۇشى

رومىنىيە دېھقانلار قوزغىلىڭى

رومىنىيە مىللىي پارتىيىسى

رومىنىيە-ۋېنگرىيە سۈلھ لايىھىسى

رومىنىيە ئىشچى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى

رومىنىيە ئىشچىلىرىنىڭ ئۆكتەبر ئومۇمىي ئىش تاشلىشى

رومىنىيىنىڭ 1848-يىلدىكى ئىنقىلابى

رونكاگلىيە قارارى

روندستېد

روئون

روۋلات قانۇنى

روي-سې

رۇەن جەمەتى سۇلالىسى

رۇەن جىن

رۇەن خۇاڭ

رۇەن فۇيىڭ

رۇەن ۋېنخۇي

رۇەن يۇ

رۇت-تاكاھىرا كېلىشىمى

رۇتېنبېرگ

رۇداكى

رۇدولفⅠ

رۇدولفⅡ

رۇدىنى

رۇزۋېلت

رۇزىسكا

رۇسسو

رۇسسېل

رۇس قانۇنى

رۇش-باگوت كېلىشىمى

رۇفۇس

رۇگې

رۇم سۇلتانلىقى

رۇميانتسېۋ

رۇنېبېرگ

رېئالچىلىق

رېبېك

رېپىن

رىتسار

رىتسارلار پارتىيىسى

رېتسىيە

رېتېف

رېچۇئېسسېن

رېد

رېد

رېدۇم

رېسپىگ

رېكونچۇيستا

رېكس

رېگۇلۇس

رېم

رېمارك

رېمبران

رېمۇسات

رېم ۋەقەسى

رېنان

رېنچېن يىللىرىدىكى ۋەتەن ئۇرۇشى

رېنشېن يىللىرىدىكى غەليان

رېننېر

رېنۇۋىن

رېنۋۇ (ئات) يىلىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش

رېۋىزىئونىزم

رېيخېنباخ كېلىشىمى

رېيخىستاگقا ئوت قويۇش دېلوسى

رېيلېس

رېينائۇد

رېين شەھەرلەر ئىتتىپاقى

رېين گېزىتى

رېين ئىتتىپاقى

رىببېنتروپ

رىبول

رىبمان

رىچاردⅠ

رىچاردⅡ

رىچاردⅢ

رىزا شاھ پەھلىۋى

رىزال

رىسىۋىك سۈلھ شەرتنامىسى

رىسېلىيۇ

رىسىششا

رىف جۇمھۇرىيىتى

رىكاردو

رىكاسولى

رىكوۋ

رىكسداگ

رىگاس

رىگا شەرتنامىسى

رىگۇل

رىلېۋ

رىم (قەدىمكى زامان)

رىم پرولېتارلىرى

رىم تارىخى

رىم تارىخىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئۈستىدە تەتقىقات

رىم جۇمھۇرىيىتى

رىمدىكى سېرك مەيدانى

رىمدىكى يەتتە پادىشاھ

رىمدىكى يەتتە تۆپىلىك

رىمدىكى يېڭى ئاقسۆڭەكلەر

رىم قانۇنلىرى

رىم كاتولىك دىنى

رىم كالېندارى

رىم كېلىشىمنامىسى

رىم مەدەنىيىتى (قەدىمكى زامان)

رىمنىڭ كېلىپ چىقىشى

رىمنىڭ مەمۇرىي ئۆلكىلىرى

رىم ئىتتىپاقچىلىرى

رىم ئىمپېرىيىسى

رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىش تارىخى

رىم يەر ئاستى قەبرىلىرى

رىم يوللىرى

رىۋېرا

رىۋىئېرې

رىئېگو

رىئېگو قوزغىلىڭى

رىئېگو-نۇنېس

رىئېنزو

رىيۇرىك

رىيۇرىك خاندانلىقى

رىم يەر ئاستى قەبرىلىرى

رىم يوللىرى

رىۋېرا

رىۋىئېرې

رىئېگو

رىئېگو قوزغىلىڭى

رىئېگو-نۇنېس

رىئېنزو

رىيۇرىك

رىيۇرىك خاندانلىقى

ئىزاھى

راباخ

  • راباخ[يەشمىسى:]Rabah Zobeir، 1835 — 1900) بورنۇ پادىشاھلىقىنىڭ سۇلتانى. ئەسلى ئوفىتسېر بولغان. 1879-يىلى گازال رايونىدا ئەنگلىيە ۋە مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىپ چادكۆلى ئەتراپىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان. مەھدى ھەرىكىتىگە مەدەت بەرگەن. 1893-يىلى بورنۇغا بېسىپ كىرىپ، ئۆزىنى سۇلتان دەپ ئاتاپ، دېكىيانى پايتەخت قىلغان. 1899-يىلى كونى شەھىرىدىكى ئىككى قېتىملىق جەڭدە فرانسىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 1900-يىلى كۇسلدىكى جەڭدە قۇربان بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى فرانسىيىگە قارشى كۈرەشنى يىل بويى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇمۇ مەغلۇپ بولغان. بورنۇ ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنغان.

رابېلى

  • رابېلى[يەشمىسى:]Francois Rabelais، تەخمىنەن 1494 — 1553) تەخەللۇسى ناسىئېر (Alcofribas Nasier). ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى فرانسىيىلىك يازغۇچى. گۇمانىتارىست. شىنون (Chinon، فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان) شەھىرىدىكى ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1515 — 1518-يىللىرى موناسترغا كىرىپ بىلىم ئالغان. 1520-يىلى فرانسىيېسكو موناخى بولغان. كېيىن بېرىلىپ مېدىتسىنا ئۆگەنگەن ھەمدە مونتپېللېر (Montpellier) ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ بىلىمىنى ئاشۇرغان. پەلسەپە، كلاسسىك تىلشۇناسلىق، ئاسترونومىيە، قانۇنشۇناسلىق قاتارلىق كۆپ خىل پەنلەرنى تەتقىق قىلغان. 1532-يىلى لېئوندا دوختۇرخانا ئېچىپ تىجارەت قىلىشقا كىرىشكەن. بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، 20 نەچچە يىل سەرپ قىلىپ، فرانسۇز تىلىدا «گىگانت ئادەملەر قىسسىسى» (ئەسلى ئىسمى «گارگانتۇئا ۋە پانتاگروئېل») دېگەن بەش توملۇق روماننى يېزىپ چىققان. روماندا ئىككى گىگانت ئادەم يەنى گارگانتوئا (Cargantua) ۋە ئۇنىڭ ئوغلى پانتاگروئېل (Pantagruel) نىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق، كاتولىك چېركاۋنىڭ زۇلمەتلىكلىكىنى پاش قىلىپ، مەدرىس پەلسەپىسى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر مائارىپىنىڭ چىرىكلىكىنى سۆكۈپ، گۇمانىزمنى تەشۋىق قىلغان. شۇڭا بۇ كىتاب چەكلەنگەن كىتابلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئۆزى مېتىس (Metz، ئەينى ۋاقىتتا مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىگە قاراشلىق ئىدى، ھازىر فرانسىيىگە قاراشلىق) قاتارلىق جايلارغا قېچىپ بېرىپ پاناھلانغان.

راپاللو شەرتنامىسى

  • راپاللو شەرتنامىسى[يەشمىسى:] تولۇق ئاتىلىشى «گېرمانىيە بىلەن روسىيە سوۋېت فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم». 1922-يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىتالىيىنىڭ گېنويە (Cenuya) شەھەر ئەتراپىدىكى راپاللو (Rapallo) دا ئىمزالانغان. ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: شەرتنامە تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپ ئۇرۇش خىراجىتى ۋە ئۇرۇش مەزگىلىدە تارتقان زىيانلىرىنى تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە قوشۇلىدۇ؛ گېرمانىيە سوۋېت روسىيىسى ئېلان قىلغان دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش پەرمانىغا نىسبەتەن ئوتتۇرىغا قويغان مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ، لېكىن سوۋېت روسىيىسىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش تەلەپلىرىنى قاندۇرماسلىقىنى شەرت قىلىدۇ؛ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىيە ۋە كونسۇل مۇناسىۋىتى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ؛ ئىككى دۆلەت سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىش جەھەتتە ئالاھىدە مەنپەئەتدار دۆلەت مۇئامىلىسى پرىنسىپىنى قوللىنىپ، ئۆزئارا دوستلۇق روھى ئاساسىدا ھەمكارلىشىدۇ؛ ئىككى دۆلەت ئۇرۇش ئەسىرلىرىگە بېقىش پۇلى بېرىشنى توختىتىدۇ. شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى ئىككى دۆلەتنى دىپلوماتىيە جەھەتتىكى يەككە-يېگانە ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە جاھانگىرلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى بىرلەشمە سېپىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جاھانگىر دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرغان. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى بېرلىندا يەنە «1922-يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى راپاللو شەرتنامىسىنىڭ قوشۇمچە كېلىشىمى» ئىمزالانغان. راپاللو شەرتنامىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئوكرائىنا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق ئالتە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى بىلەن گېرمانىيىنىڭ مۇناسىۋەت پرىنسىپى بەلگىلەنگەن.

راتتاززى

  • راتتاززى[يەشمىسى:]Urbano Rattazzi، 1808 — 1873) ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى (1859 — 1860). ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى (1862—1867). ئوتتۇرا بۇرژۇئا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئادۋوكات بولغان. 1848-يىلى پېمونت پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1849-يىلى گىئوبېرتى ئورنىغا ھۆكۈمەت باشلىقى بولغان. نوۋارا (Novara) جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1852-يىلى كاۋۇرنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن پارلامېنت رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1859-يىلى 7-ئايدا كاۋۇرنىڭ ئارقىسىدىنلا ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلغان. ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەسىلىسىدە ئىلگىرىكى سىياسەتنى داۋاملىق ئىجرا قىلغان، كېيىن فرانسىيە بىلەن ساۋوييا ۋە نىس مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1862-يىلى رىكاسولنىڭ ئورنىدا ئىچكى كابىنېت تەشكىللەپ، پادىشاھنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچسىگە ئىگە بولغان. شۇ يىلى 8-ئايدا گارىبالدىنىڭ رىمغا ھۇجۇم قىلىشىنى قوراللىق كۈچ بىلەن توسۇپ، مەملىكەت ئىچىدە غەزەپ-نەپرەت قوزغىغانلىقتىن يىل ئاخىرىدا ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1867-يىلى 4-ئايدا يەنە بىر قېتىم ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەن، ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە ئىتالىيە چېركاۋىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش پەرمانىنى ئېلان قىلغان. كېيىن رىم مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا فرانسىيىنىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن.

راتېنائۇ

  • راتېنائۇ[يەشمىسى:]Walter Rathenau 1867 — 1922) گېرمانىيىلىك سودا-سانائەتچى، گېرمانىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. گېرمانىيە ئۇنىۋېرسال باش ئېلېكتر شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ۋە مۇدىرى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پرۇسسىيە ھۆكۈمىتى ئۇرۇش ۋاقتى بايلىق مەنبەسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى بولغان. ۋېيمار جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ گۈللەندۈرۈش مىنىستىرى (1921) ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1922) بولغان. 1922-يىلى 4-ئايدا گېنويە يىغىنىغا قاتنىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن «راپاللو شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. شۇ يىلى 6-ئايدا ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوڭ قانات مىللەتچى ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

راجاپۇترا سلادىتىيا

  • راجاپۇترا سلادىتىيا[يەشمىسى:] يەنى «ھارىسا ۋاردانا».

راجاگرىھا

  • راجاگرىھا[يەشمىسى:]Rajagriha) قەدىمكى ھىندىستان ماگادخا دۆلىتىنىڭ پايتەختى (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىرگىچە)، ھازىرقى بىخار شتاتىدىكى پاتنانىڭ جەنۇبىدا، بۇددا دىنى گۈللەنگەن دەۋردىكى سەككىز چوڭ مەركىزىي شەھەرنىڭ بىرى. بىھبىسارا شاھنىڭ ۋاقتىدا (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 544 — 493) پايتەخت بولغان. شەھەر يېنىدىكى ۋېنۇۋاناۋىھارا (بامبۇكزارلىق قىرائەتخانا)، دەسلەپكى مەزگىللەردىكى بۇددا دىنى پائالىيىتى مەركىزىنىڭ بىرى بولغان، شەرقىي جىن سۇلالىسىدىكى فاشيەن ھىندىستان سەپىرىدە بۇ يەرگە كەلگەن، تاڭ دەۋرىدىكى شۈەنزاڭ (مىلادى Ⅶ ئەسىر) كۆرگەن راجاگرىھا شەھىرى خاراب بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن شەھەر ئەتراپىدا يەنىلا نۇرغۇنلىغان قەدىمىي بۇددا يادىكارلىقلىرى ساقلىنىپ قالغان.

راجان

  • راجان[يەشمىسى:]Rajan) قەدىمكى ھىندىستان پادىشاھىنىڭ نامى. خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان بۇددا نومىدا، «راجان» بىلەن «پادىشاھ» تەڭ ئورۇنغا قويۇلغان؛ ھازىرقى زامان ئەسەرلىرىدىمۇ «راجان» كۆپىنچە پادىشاھ دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. لېكىن ئەڭ دەسلەپتە، راجان پەقەتلا ھىندىستاندىكى ئارىيانلارنىڭ ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى شارائىتىدىكى قەبىلە باشلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى سامىتى بىلەن سابىھا تىزگىنلەپ تۇراتتى، سىنىپىي جەمئىيەتتىكى پادىشاھتىن پەرق قىلاتتى. دۆلەت شەكىللەنگەندىن كېيىن، ھۆكۈمرانلار (پادىشاھ) راجان دېگەن نامنى ئىشلەتكەن.

راجپۇت

  • راجپۇت[يەشمىسى:]Rajput) ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھىندىستان ھەربىي فېئوداللىرىنىڭ ئاتىلىشى. بۇ سۆز سانسكرىت تىلىدىكى راجا پۇترا (Raja putra) دىن كېلىپ چىققان بولۇپ، «پادىشاھنىڭ ئوغلى» دېگەن مەنىدە. راجپۇتلار ئۆزىنى ۋېدا دەۋرىدە كېلىپ چىققان، كىساترىيە تەبىقىسىگە مەنسۇپ دەپ ھېسابلايدۇ. Ⅷ ئەسىردىن ⅩⅡ ئەسىرگىچە، ئۇلار شىمالىي ھىندىستاندا بىرقانچە فېئودال بەگلىكلەرنى قۇرغان بولۇپ، ئۆزئارا ئۇرۇش قىلغان، تارىختا بۇ راجپۇت دەۋرى دەپ ئاتالغان. ئۇلار ئىسلام دىنىدىكى گۇر خاندانلىقىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشىلىق كۆرسىتىپ مەغلۇپ بولغان. دېھلى سۇلتانلىقى دەۋرىدە كۈچى ئاجىزلاشقان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موغۇل ئىمپېرىيىسىگە ئىتائەت قىلغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ماراتلار (Маратхи) تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.

رادا

  • رادا[يەشمىسى:] رۇس تىلى ۋە باشقا بەزى سلاۋيان تىللىرىدىكى рада نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. بەزى سلاۋيانلارنىڭ خەلق كېڭىشى ياكى ئۇنىڭ ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ نامى. 1944-يىلدىكى پولشا «خەلق رادا»سى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى پولشا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسى بولغانىدى.

راداماⅠ

  • راداماⅠ[يەشمىسى:]RadamaⅠ، تەخمىنەن 1793 — 1828) ئىمپېراتور راداما دەپمۇ ئاتالغان. ماداغاسقار پادىشاھلىقىنى قۇرغۇچى. ماداغاسقار مەركىزىي ئېگىزلىكىدىكى مېرىنا (Merina) پادىشاھلىقىنىڭ شاھزادىسى. 1810-يىلى دادىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ياۋروپانىڭ پەن-تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلغان، خرىستىئان دىنىغا يول قويغان، ياۋروپالىق تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ، يېڭىچە ئارمىيە قۇرغان، شۇنىڭ بىلەن دۆلىتى كۈنسايىن كۈچەيگەن. 1817-يىلى تاماتاۋې (Tamatave) نى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، تەسىر دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئۇششاق پادىشاھلىقلارنى بېقىندۇرغان. 1824-يىلى ماداغاسقارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن.

رادوسلاۋوۋ

  • رادوسلاۋوۋ[يەشمىسى:]Васил Радоспавов، 1854 — 1929)، بۇلغارىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1886 — 1887، 1913 — 1918). گېرمانىيىنىڭ ھېيدېلبېرگ داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1884 — 1901-يىللىرى ئەدلىيە ۋەزىرى، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە تېررورلۇق ۋاسىتىلىرىنى كۈچەيتىپ، «جاللات» دېگەن لەقەمنى ئالغان. 1887-يىلىدىن باشلاپ لىبېراللار پارتىيىسى («رادىكاللار گۇرۇھى») نىڭ يولباشچىسى بولغان. 1913 — 1918-يىللاردا لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر لاگېرىغا قاتناشقان. 1918-يىلى 9-ئايدا ئەسكەرلەر قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن گېرمانىيىگە قېچىپ كېتىپ، تا ئۆلگىچە شۇ يەردە ياشىغان.

رادومىر قوراللىق قوزغىلىڭى

  • رادومىر قوراللىق قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ۋلاداي قوزغىلىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى بۇلغارىيىدىكى ئەسكەرلەر قوزغىلىڭى. 1918-يىلى 9-ئايدا، ئانتانتا دۆلەتلىرى ئارمىيىسى ماكېدونىيىدىكى بۇلغارىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، دوبروپولې (Доброполе) ئۇرۇش سېپىنى بۆسۈپ ئۆتكەن. ئالدىنقى سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، رادومىر (Радомир) شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. 9-ئاينىڭ 24-كۈنى كيۇستېندىل (Кюстендил) دا تەسىس قىلىنغان بۇلغارىيە ئالىي قوماندانلىق شتابىنى ئىشغال قىلغان. 27-سېنتەبردە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەتىسى يەنە ۋلاداي(Владай) كەنتىنى تارتىۋېلىپ پايتەخت سوفىيىگە قىستاپ كەلگەن. قوزغىلاڭچىلار گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن بۇلغارىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. 10-ئاينىڭ 2-كۈنى رادومىر ئىشغال قىلىۋېلىنىپ قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.

رادېسكي

  • رادېسكي[يەشمىسى:]Johann Joseph Wenzel von Radetzky، 1766 — 1858) ئاۋسترىيىلىك مارشال. چېخ ئاقسۆڭەكلىكتىن كېلىپ چىققان. 1809 — 1813-يىللىرى ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان. 1813 — 1814- يىللىرى بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان. لېيپسگ جېڭىگە قاتناشقان (1813). 1831 — 1857-يىللىرى شىمالىي ئىتالىيىدە تۇرۇشلۇق ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغاندا، 1848-يىلدىكى ئىتالىيە ئىنقىلابىنى دەھشەتلىك باستۇرغان. 1849 — 1857-يىللىرى لومباردىيە-ۋېنېتسىيە رايونىنىڭ گوبېرناتورى بولغان.

رادىچ

  • رادىچ[يەشمىسى:]Stjepan Radic، 1871 — 1928) يۇگوسلاۋىيە كرودىيە دېھقانلار پارتىيىسىنىڭ ئاساسچىسى ۋە رەھبىرى. كرودى-يىلىك. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، 1904-يىلى كرودىيە دېھقانلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ، كرودىيىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىنى تەشەببۇس قلغان. 1918-يىلى سېربىيە-كرودىيە-سلوۋېنىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، چوڭ سېربىيىچىلىككە قارشى تۇرۇپ، قوشما شتات قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان. كېيىن بىر مەھەل غەربىي ياۋروپا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ساياھەت قىلغان. 1925 — 1927-يىللىرى پاشىچ ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرى بولغان. كېيىن پارلامېنتتا ئوققا تۇتۇلۇپ ئېغىر يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن. «سكۇپىستىنا قاتىللىق دېلوسى» گە قاراڭ.

رادىئو ئاكتىپلىق كاربون ئارقىلىق دەۋرنى بېكىتىش

  • رادىئو ئاكتىپلىق كاربون ئارقىلىق دەۋرنى بېكىتىش[يەشمىسى:] قەدىمكى ئاسار ئەتىقىلەرنىڭ مۇتلەق يىلىنى ئۆلچەپ بېكىتىشتىكى بىر خىل ئۇسۇل. تەبىئەت دۇنياسىدىكى كاربون ئېلېمېنتىنىڭ رادىئو ئاكتىپلىق ئىزوتوپى C-14 بولۇپ، ئۇنىڭ قويۇقلۇقى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ خىل C-14، CO2 شەكلىدە ھەر خىل ئالمىشىپ تۇرىدۇ. ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئۆلۈشى ھامان كاربوننىڭ ئالمىشىشى توختايدۇ، شۇنداقلا تاشقى مۇھىتتىن C-14 تولۇقلىيالماي، ھەر 5730 يىلدا ئەسلىدىكى مىقدارىنىڭ يېرىمى تېزلىكىدە ئۈزلۈكسىز كېمىيىپ بارىدۇ. شۇڭا قەدىمدىن قېپقالغان ئورگانىك ماددىلاردىكى C-14 نىڭ رادىئو ئاكتىپلىقىنىڭ كېمىيىش دەرىجىسىگە ئاساسلىنىپ ئورگانىك ماددىنىڭ ئۆلگەن يىلىنى ئېنىقلىۋېلىشقا بولىدۇ. لېكىن بۇ ھېسابلاشتا بەلگىلىك پەرقنىڭ بولۇشى تەبىئىي. نۆۋەتتە، C-14 ئارقىلىق 40 — 50 مىڭ يىل دائىرىسىدىكى دەۋرنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ، زەررە تېزلىتىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ 70 — 100 مىڭ يىل دائىرىسىدىكى دەۋرنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ.

رازادارىت

  • رازادارىت[يەشمىسى:]Razadarit، 1369 — 1423) بىرما پېگۇ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى (1385 — 1423). تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە شىمالدىكى ئاۋا خاندانلىقى بىلەن ئۇزاق ئۇرۇش قىلغان، بۇ بىرما تارىخىدىكى مەشھۇر «40 يىللىق ئۇرۇش» ھېسابلىنىدۇ. ئىچكى توپىلاڭنى تىنچىتىپ، ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملىگەن.

رازادارىتنىڭ ئىش ئىزلىرى تارىخى

  • رازادارىتنىڭ ئىش ئىزلىرى تارىخى[يەشمىسى:] «رازادارىت قوزغىلىڭى تارىخى» (Razadarit Ayedawpon) دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. بىرمىنىڭ قەدىمكى تارىخ كىتابى. بۇ كىتابنى ⅩⅥ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بىننىيادالا (Binnya Dala، تەخمىنەن 1518 — 1572) مون يېزىقىدا يېزىپ چىققان. كىتابتا ئاساسەن پېگۇ خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى رازادارىت تەختتە ئولتۇرۇشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى تارىخ بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋا خاندانلىقى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇشى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. بۇ كىتاب بىرمىنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

رازى

  • رازى[يەشمىسى:]Razi al، 865 — 925) ياۋروپالىقلار ئۇنى رازېس (Rhazes) دەپ ئاتايدۇ. مەشھۇر ئەرەب تىببىي ئالىمى، پەيلاسوپى، خىمىكى. راي (ھازىرقى ئىراننىڭ تېھران شەھىرى ئەتراپى) دا تۇغۇلغان. راي ۋە باغداد شىپاخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. «تىبابەتچىلىك قوللانمىسى»، «مەخپىي رېتسېپ» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. «تىبابەتچىلىك قوللانمىسى» مەزمۇنى مول تىبابەتچىلىك قامۇسى بولۇپ، قەدىمكى يۇنان، پېرسىيە، ھىندىستان ۋە ئەرەبلەرنىڭ تىبابەتچىلىك بىلىملىرى يەكۈنلەنگەن. ⅩⅡ ئەسىردە لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، ياۋروپادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ دەرسلىكى قىلىنىپ بىرنەچچە ئەسىر ئىشلىتىلگەن. «مەخپىي رېتسېپ» خىمىيىگە ئائىت ئەسەر بولۇپ، ⅩⅡ ئەسىردە لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن غەربىي ياۋروپاغا كەڭ تارقالغان. تاشقى كېسەللىكلەر، ئىچكى كېسەللىكلەر ۋە تۇغۇت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە قاراشلىرى بار. ئۇنىڭ «چېچەك ۋە قىزىل» توغرىسىدا يازغان ماقالىسى — چېچەك توغرىسىدىكى ئەڭ دەسلەپكى مەخسۇس ماقالا ھېسابلىنىدۇ.

رازىن قوزغىلىڭى

  • رازىن قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]1670 — 1671-يىللىرىدىكى روسىيە دېھقانلىرىنىڭ چار پادىشاھنىڭ فېئودال مۇستەبىتىك تۈزۈمىگە قارشى بۈيۈك قوزغىلىڭى. 1667-يىلى ئەتىيازدا، ستېپان رازىن (Степан Тиофовоеч Ρазин، تەخمىنەن 1630 — 1671) بىر توپ كازاك كەمبەغەللىرىنى باشلاپ دون دەرياسى، ۋولگا دەرياسى ۋە كاسپىي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدا چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى ۋە باي سودىگەرلەرنىڭ كېمە ئەترىتىگە تۇيۇقسىز زەربە بەرگەن ھەمدە يائىك (Яик) قورغىنىنى ئىشغال قىلغان. 1668-يىلى ئەتىيازدا، 24 كېمىلىك قوشۇنىنى باشلاپ ئىرانغا بارغان. ئىككىنچى يىلى ۋولگا دەرياسىنىڭ ئېقىنىغا قارشى يۈرۈش قىلىپ، سارتىسىننى ئىشغال قىلىپ، شۇ جايدىكى مەھبۇسلارنى قويۇپ بەرگەن، كېيىن دون دەرياسى ۋادىسىغا قايتىپ كەلگەن. 1670-يىلى 4-ئايدا 5000 كازاكقا باشچىلىق قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكىنى رەسمىي جاكارلاپ، ئېزىلگۈچى چاكارلار، بورلاكلار ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى پۇقرالارنى قوزغىلىپ ئاقسۆڭەكلەر، باي سودىگەرلەر ۋە كازاكلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرگە قارشى تۇرۇپ، يەر-زېمىن، مال-مۈلۈك، ئات-ئۇلاغلارنى قايتۇرۇۋېلىشقا، ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرغان. لېكىن ئۇنىڭدا «ياخشى چار پادىشاھ» نى ھىمايە قىلىش خام خىيالى بولغان. قوزغىلاڭچىلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سارتىسىن، ئاستراخان قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان. رۇس دېھقانلىرى، موردۋالىقلار، چۇۋاشلار ۋە تاتار قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن قوزغىلاڭچى قوشۇنغا قاتناشقان. قوزغىلاڭچىلار ئىبادەتخانىلارغا داۋاملىق قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، پومېشچىكلارنىڭ قورۇقلىرىنى ۋەيران قىلغان. 1670-يىلى كۈزدە، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى دون دەرياسى بىلەن ۋولگا دەرياسى ئارىلىقىدىكى كەڭ رايونلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، موسكۋاغا يېقىنلاشقان. چار پادىشاھى ئالدىراپ-تېنەپ مەركەز ۋە چەت ئۆلكىلەردىكى قوشۇنىنى يۆتكەپ كېلىپ قوزغىلاڭنى باستۇرغان. شۇ يىلى 10-ئايدا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بىلەن چار پادىشاھ ئارمىيىسى سىمبىرىس-ك (Симбирск) ئەتراپىدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ دون دەرياسىغا چېكىنگەن. ئىككىنچى يىلى 4-ئايدا باي كازاكلار رازىنغا خائىنلىق قىلغان. 6-ئايدا، موسكۋادا رازىنغا كاللىسىنى ۋە پۇت-قولىنى كېسىش جازاسى بېرىلگەن، ئۇ مەردلەرچە قۇربان بولغان. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى قوشۇنلىرى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئارقا-ئارقىدىن باستۇرۇۋېتىلگەن. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قاتتىق زەربە بەرگەن.

راستات سۈلھ شەرتنامىسى

  • راستات سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] 1714-يىل 3-ئاينىڭ 6-كۈنى فرانسىيە بىلەن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ كورۇلى كارل Ⅵ راستات (Rastatt، ھازىرقى گېرمانىيە قوشما شتاتلىرىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە) تا ئىمزالىغان شەرتنامە. شەرتنامىدە فرانسىيە «ۋېستفالىيە سۈلھ شەرتنامىسى»، «نېمانگىن سۈلھ شەرتنامىسى» ۋە «زىسۋىك سۈلھ شەرتنامىسى» گە ئاساسەن قولغا كەلتۈرگەن پۈتۈن زېمىنلىرىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدۇ، لېكىن رېين دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدا بېسىۋالغان شەھەرلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ ۋە رېين دەرياسى بويلىرىدىكى ئىستىھكاملىرىنى چۇۋۇپ تاشلايدۇ؛ ھابىسبۇرگ خاندانلىقى ناپلېس پادىشاھلىقى، ساردىنىيە، توسكانانىڭ بىر قىسمى ۋە ئىسپانىيىگە قاراشلىق نىدېرلاندىيىگە ئىگە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

راسپايىل

  • راسپايىل[يەشمىسى:]Francois Vincent Raspail، 1794 — 1878) فرانسىيىلىك ئىنقىلابچى، دوختۇر ۋە تەبىئىي پەن ئالىمى. دەسلەپتە ئۇ تىببىي ئىلىم، خىمىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، خېلى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. 1830-يىلدىكى ئىيۇل ئىنقىلابىغا ۋە ئىيۇل خاندانلىقىغا قارشى كۈرەشكە قاتناشقان. «خەلق دوستى» گېزىتىنى نەشىر قىلىپ، خەلق دوستى كۇلۇبىغا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ گېزىتى — «ئىسلاھاتچىلار گېزىتى» نىڭ تەھرىرى بولغان. 1848-يىلدىكى ئىنقىلابتا دېموكراتلارنىڭ مۇھىم رەھبىرى بولغان، 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتىن جۇمھۇرىيەت جاكارلاشنى تەلەپ قىلغان. 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنتقا قارشى نامايىشقا قاتناشقانلىقى ۋە رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، قاماق جازاسى بېرىلگەن. 1848-يىلى 12-ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، پارىژدىكى ھەرقايسى سوتسىيالىستىك مەزھەپلەر تۈرمىدىكى راسپايىلنى زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن بولسىمۇ، سايلىنالمىغان. 1854-يىلى بېلگىيىگە قېچىپ كەتكەن، 1859-يىلى كەچۈرۈم قىلىنغان، 1863-يىلى فرانسىيىگە قايتىپ كەلگەن. 1869-يىلى دېموكراتلار تەرىپىدىن قانۇن چىقىرىش ئۆمىكىگە سايلانغان، 1876-يىلى ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۇ كوممۇنا ئەزالىرىنى كەچۈرۈم قىلىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان.

راشىت شەرتنامىسى

  • راشىت شەرتنامىسى[يەشمىسى:] روسىيە ئىران بىلەن ئىمزالىغان روسىيە ئىشغال قىلىۋالغان ئىران زېمىنىنى قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدىكى شەرتنامە. 1722-يىلى ئافغانىستان ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، ئىران پادىشاھى تاھماسىپ Ⅱ (TahmaspⅡ، ؟ — 1739) مازاندىرانغا قېچىپ بېرىپ، تەختىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان. روسىيىدىكى پېترⅠ ئىراندا قالايمىقانچىلىق بولۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەسكەر چىقىرىپ دەربەنت، راشىت ۋە باكۇنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1723-يىلى تاھماسىپ روسىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان، ئىران روسىيىنىڭ ئافغانىستانغا قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىشىگە ئىگە بولۇش بەدىلىگە، كېلان، مازاندىران، ئاستراباتنى روسىيىگە بۆلۈپ بېرىشكە ماقۇل بولغان. لېكىن روسىيە يۇقىرىدىكى يەرلەرگە ئىگە بولۇۋالغاندىن كېيىن شەرققە قاراپ ئىلگىرىلىمىگەن. ئىران ئافغانىستانلىقلارنى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، 1732-يىلى 2-ئايدا روسىيە ئىران بىلەن راشىتتا شەرتنامە ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، روسىيە كېلان، مازاندىران ۋە ئاسترابات قاتارلىق جايلارنى ئىرانغا قايتۇرۇپ بەرگەن.

رافلېس

  • رافلېس[يەشمىسى:]Thomas Stamford Raffles، 1781 — 1826) ئەنگلىيىلىك مۇستەملىكىچى. 1795-يىلى ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولغان. 1805-يىلى پىناڭغا ئەۋەتىلىپ شىركەتنىڭ ياردەمچى كاتىپى قىلىنغان. ئەنگلىيە ھىندۇنېزىيىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، 1811 — 1815-يىللىرى ئەنگلىيىنىڭ ياۋادا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ۋالىيسى بولۇپ، ئەنگلىيە سانائەت كاپىتالىغا پايدىلىق سىياسەت يۈرگۈزگەن. 1818 — 1823-يىللىرى سۇماترادىكى بېڭكۇلۇدا (Bengkulu) تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ۋالىي بولغان. 1819-يىلى 1-ئايدا، شەرقىي ھىندىستان شىركىتىگە ۋەكالىتەن جوھور سۇلتانى ھۈسەيىن تېك-كۇلوڭ (Husain Tengku Long) ۋە تېمېڭگوڭ (Temeng gong) بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ھەر يىلى8000 ئىسپانىيە تەڭگىسى بېرىش بەدىلىگە سىنگاپوردا تۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ھەمدە سىنگاپورنى ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئاساسىي سودا پورتى قىلىشقا تىرىشقان.

راففېللو

  • راففېللو[يەشمىسى:]Raffaello Sanzio، 1483 — 1520) ئىتالىيە ئەدەبىيات-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش دەۋرىدىكى رەسسام، ئارخېتېكتور. ئوربىنو (Urbino، فلورېنسىيىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان) شەھىرىدىكى رەسسام ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق چېغىدا ئاتا كەسپىنى ئۆگەنگەن. تەخمىنەن 1500-يىلى پېرۇگىيە (Perugia) شەھىرىگە بېرىپ رەسسام پېرۇگىنو (Pietro Perugino، 1446 — 1524) نى ئۇستاز تۇتقان. 1504-يىلى فلورېنسىيىگە بېرىپ، داۋىنكى قاتارلىق كاتتا ئۇستازلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ ئۆگەنگەن. 1508-يىلى پاپانىڭ تەكلىپى بويىچە رىمغا بېرىپ، ۋاتىكان سارىيىغا تام رەسىمى سىزىپ بەرگەن ھەمدە سان پېتر چېركاۋىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان. رىمدا ۋاپات بولغان. ئۇ سىزغان مۇقەددەس مەريەم ئانىنىڭ رەسىملىرى كىشىلىك دۇنياسىدىكى ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى ۋە ئانىلارنىڭ مېھرىبانلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى «سىستىن ئىبادەتخانىسىدىكى مۇقەددەس مەريەم ئانا رەسىمى» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ داڭلىق رەسىملىرىدىن يەنە «ئافىنا ئىنىستىتۇتى»، «مۇنازىرە يىغىنى» قاتارلىقلار بار.

راكوس

  • راكوس[يەشمىسى:]Rakoczy Fancis، 1676 — 1735( فرانسىس Ⅱ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋېنگرىيىنىڭ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى. ترانسىلۋانىيىدىكى چوڭ ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1703-يىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان، 1704-يىلى ترانسىلۋانىيە شاھزادىسى بولۇپ سايلانغان. 1707-يىلى فرانسىيىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ۋېنگرىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋېنگرىيە دۆلىتىنىڭ باشلىقى بولغان. فېئوداللىق زۇلۇمنى يوقاتمىغانلىقى ئۈچۈن، تەدرىجىي ھالدا دېھقانلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان. 1708 — 1710-يىللىرىدا قوزغىلاڭچى قوشۇن مەغلۇپ بولغان. 1711-يىلى قوراللىق كۈرەش توختىغاندىن كېيىن، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن.

راكوۋىسكىي

  • راكوۋىسكىي[يەشمىسى:]Георгий Сава Раковский، 1821 — 1867) بۇلغارىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. شائىر، سىياسىي ئوبزورچى. ياش ۋاقتىدا كونستانتىنوپولدىكى بىر گرېك مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1842-يىلى تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى پارتىزانلىق ئەترىتىگە قاتناشقان. 1856-يىلى «بۇلغارىيە خاتىرىسى» گېزىتىنى تەسىس قىلغان. 1857-يىلى «ئورمانلىقتىكى يولۇچى» دېگەن داستانىنى يېزىپ، بۇلغارىيە خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرىشىنى مەدھىيلىگەن. 1860-يىلنىڭ بېشىدا بېلگرادقا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، «دوناي دەرياسى ئاققۇسى» گېزىتىنى چىقارغان. 1861 — 1862-يىللىرى سېربىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، بۇلغارىيە «پولكى» نى قۇرغان. 1863-يىلى رومىنىيىگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، «كەلگۈسى گېزىتى» نى چىقارغان. كېيىن بۇلغارىيە مۇھاجىرلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئىسلاھاتچىل «مەخپىي مەركىزىي كومىتېت» قا قارشى تۇرۇشقا قوزغاپ، «ئالىي خەلق ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابى» ۋە قوراللىق قوشۇن بەرپا قىلغان.

راكۇئىچى . راكوزا

  • راكۇئىچى . راكوزا[يەشمىسى:] ياپونىيىدىكى يېغىلىقلار دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ ئازۇچى-موموياما دەۋرلىرىدە يولغا قويۇلغان سودا سىياسىتى. يېڭىدىن روناق تېپىشقا باشلىغان يېغىلىق دۆلەتلىرىنىڭ كاتتىباشلىرى ئۆزلىرىنىڭ سۇيۇرغاللىق ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە سۇيۇرغاللىق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇششاق زېمىندار (قورۇقچى) لارنىڭ ياكى ئىمتىيازلىق ئاپپاراتلارنىڭ سودا بازارلىرىغا بولغان تىزگىنلەش ھوقۇقلىرىنى بىكار قىلغان، خام ئەشيا سېتىۋېلىشنى ۋە تاۋار سودىسىنى مونوپول قىلىۋالغان ئەسلىدىكى كەسىپداشلار ئۇيۇشمىلىرىنى تارقىتىۋەتكەن. بازار بېجى ياكى سودا بېجىنى ئېلىپ تاشلىغان. سودىگەرلەرنىڭ ئەركىن تىجارىتىگە يول قويغان. «راكۇ» (乐) سۆزى «كۆڭۈلدىكىدەك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. راكۇئىچى سىياسىتى 1549-يىلى ئومى (ھازىرقى شىگاكېن) لىق ساساكى يوشىكاتانىڭ ئىشىجىدا ئاچقان يېڭى بازار تەدبىرىدىن باشلانغان. راكۇزا سىياسىتى بولسا شىتېئا تاكاتىسۇ ئىيېنىڭ 1576-يىلى ئېچىزېن (ھازىرقى فۇكۇئى-كېن) دا يولغا قويغان چارىسىدىن باشلانغان. ئودا نوبۇناگا 1577-يىلى ئازۇچى شەھىرىدە راكۇئىچى-راكۇزا يارلىقىنى جاكارلىغان. تويۇتومى ھىدېيۇشى بولسا بۇ يارلىقنى تېخىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرگەن. شۇنداق قىلىپ سودا ئىشى قورۇقچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ راۋاجلىنىشى ئىگىرىلىتىلگەن.

راماⅠ

  • راماⅠ[يەشمىسى:]Ramal، 1737 — 1809) ئەسلى ئىسمى چاۋپراياچاكرى (Chao، Praya Chakri). سىيام (ھازىرقى تايلاند) باڭكوك خاندانلىقىنىڭ ئاساسچىسى. ئەسلىدە سىيام تونبۇرى خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى فراساۋ (Phra Cao) نىڭ قول ئاستىدا ئوفىتسېر بولغان، 1782-يىلى فراساۋنى ئۆلتۈرۈپ ئۆزى پادىشاھ (1782 — 1809) بولغان. ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن پايتەختنى باڭكوكقا كۆچۈرگەن. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كېڭەيتكەن. 1805-يىلى ئىككى قانۇن تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى دۆلەت قانۇنى قىلغان. 1785-يىلىدىن كېيىن بىرمىنىڭ ھۇجۇمىنى بىرقانچە قېتىم مەغلۇپ قىلغان ھەمدە غەلىبىدىن پايدىلىنىپ مالاي يېرىم ئارىلىدىكى كېدا(Kedah)، پاتتانى(Pattani)، تېرېڭگانۇ (Terengganu) ۋە كېلانتان (Kelantan) قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرغان. جۇڭگو (چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭ بىلەن جياچىڭ مەزگىللىرى) بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن. مەشھۇر قاشتېشى بۇتخانىسى (باڭكوك ئوردا ئىبادەتخانىسى) مۇ ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (1784) ياسالغان.

راماⅣ

  • راماⅣ[يەشمىسى:]Rama Ⅳ، 1804 — 1868) ئىمپېراتور موككۇت ياكى كىڭ ماخا ( Mongkut، King Maha) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىيام (ھازىرقى تايلاند) باڭكوك خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى (1851 — 1868). راماⅠ نىڭ نەۋرىسى. 27 يىل راھىب بولۇپ بۇددا تەتقىقاتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، دارمايۇ (Darmayu) مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى بولغان. 1851-يىلى تەختكە ۋارىسلىق قىلغان، ياۋروپاغا تەقلىد قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، غەربكە ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى خادىملارنى ياللاپ ئىشلىتىش؛ سودا جەھەتتە فېئودال مونوپوللۇق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، گۈرۈچ ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى ۋە شېكەر سېتىۋېلىشنى مونوپول قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ يېڭى تىپتىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى قۇرۇش قاتارلىقلار. 1855-يىلى ئەنگلىيە بىلەن تەڭسىز شەرتنامە ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان، 1856-يىلدىن كېيىن يەنە ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەت بىلەن ئارقا-ئارقىدىن شۇنىڭغا ئوخشاش شەرتنامە تۈزۈپ، سىيامنى يېرىم مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.

راماⅤ

  • راماⅤ[يەشمىسى:]Rama Ⅴ، 1853 — 1910) ئىمپېراتور چ-ۇلالوڭكورن (Chulalongkorn) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىيام (ھازىرقى تايلاند) باڭكوك خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى (0191 - 8681). راما Ⅳ نىڭ ئوغلى. تەختكە چىققاندا 15 ياشقا كىرگەن بولغاچقا، پادىشاھ جەمەتىدىكىلەر بەش يىل نايىب بولغان. ئۇ بۇ مەزگىلدە سىنگاپور، ياۋا ۋە ھىندىستاننى ساياھەت قىلغان. ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپ ياۋروپاچە تەربىيىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە تەدرىجىي ھالدا ئىسلاھات ئىدىيىسىنى يېتىشتۈرگەن. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان، مەسىلەن، دۆلەتنىڭ باشقۇرۇش ئورگانلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئون مىنىستىرلىك تەسىس قىلغان، ئۇ تايلاند يېقىنقى زامان مەمۇرىي تۈزۈمىنىڭ دەسلەپكى شەكلى بولۇپ قالغان؛ فېئودال تەپرىقىچى كۈچلەرنى كونترول قىلىش، مالىيەنى تەرتىپكە سېلىش، تۆمۈريول ياساش، مائارىپنى يولغا قويۇش، قانۇننى ئىسلاھ قىلىش، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش قاتارلىق ئىسلاھاتلىرى سىيامنىڭ يېقىنقى زاماندىكى تەرەققىياتىنى تېزلەتكەن. 1893-يىلى «فرانسىيە-سىيام باڭكوك شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولۇپ، مېكوڭ دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىكى زېمىنىنى ۋە دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىرقانچە كىچىك ئاراللىرىنى فرانسىيىگە بۆلۈپ بەرگەن. 1909-يىلى 3-ئايدا ئەنگلىيە بىلەن يېڭى شەرتنامە (يەنى «ئەنگلىيە-سىيام باڭكوك شەرتنامىسى») تۈزگەن. 

راماⅦ

  • راماⅦ[يەشمىسى:]Rama Ⅶ، 1491 - 3981) يەنە بىر ئىسمى پراجاد خىپوك (Prajadhipok). سىيام (ھازىرقى تايلاند) باڭكوك خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى (5391 - 5291). راما Ⅴ نىڭ كەنجى ئوغلى، راما Ⅵ نىڭ ئىنىسى، فرانسىيە ۋە ئەنگلىيىدە ھەربىي ئىشلار ۋە ئەدەبىيات ئۆگىنىپ، غەربنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. 1932-يىل 24-ئىيۇن سىياسىي ئۆزگىرىشىدە بىر مەھەل قاماپ قويۇلغان، كېيىن يېڭى ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشقا دەرھال قوشۇلغان. 1933-يىلى 4-ئايدا مىللىي پارلامېنت بىلەن گوۋۇيۈەننى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلاپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى قايتىدىن ئىگىلىگەن. كېيىن يېڭى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى بىلەن بولغان توقۇنۇشى كۈنسايىن كۈچەيگەچكە، 1934-يىلى 1-ئايدا كېسىلىنى داۋالىتىش نامى بىلەن ياۋروپاغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلمىگەن. 1935-يىل 3-ئاينىڭ 2-كۈنى سىياسىي كۆز قاراش جەھەتتە مەملىكەت ئىچىدىكىلەر بىلەن ئىختىلاپ يۈز بەرگەنلىكتىن، تەختنى بوشىتىپ بەرگەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىغان. كېيىن لوندوندا ۋاپات بولغان. 

راماⅧ

  • راماⅧ[يەشمىسى:]Rama Ⅷ،1925—1946)ئانانداماخىدول(Ananda Mahidol) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىيام (ھازىرقى تايلاند) باڭكوك خاندانلىقىنىڭ ھ-ۆكۈمرانى (6491 - 5391). راماⅦ نىڭ جىيەنى. كىچىك ۋاقتىدا چەت ئەلدە ئولتۇراقلاشقان، 1935-يىلى پارلامېنتنىڭ قارارى بىلەن تەختكە ۋارىسلىق قىلغان چاغدا توققۇز ياشقا كىرگەن. شۇڭا، ئادىي دىباپا شاھزادە باشچىلىقىدىكى نائىب ھەيئەت تەسىس قىلىنغان، ئەمەلىيەتتە زۇڭلى پىيافاخون پونپخايا خاسېنا (Phya Phahon Phonphayahasena، 1591 - 6881)، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لۇئاڭ پىبۇل سوڭگرام (Luang Pibul Songgram) ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پرىدى فانوميوڭ (Pridi Phanomyong، 3891 - 0091) دىن ئىبارەت ئۈچ كاتتىباش ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 1939-يىلى دۆلەت نامىنى تايلاندقا ئۆزگەرتكەن. 1941-يىلى راما Ⅷ شۋىت- سارىيىدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ تاج كىيگەن. كېيىن يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن.

راماتىبودى

  • راماتىبودى[يەشمىسى:]Ramatibodi، 9631 - 2131) تايلاند ئايۇتىيا (Ayutia) سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. تەخمىنەن 1347-يىلى قېيىن ئاتىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۇتوڭ(tong،U، ئالتۇن چىقىدىغان جاي دېگەن مەنىدە، ھازىرقى سۇپانبۇرى «Supanburi» ئەتراپى) پادىشاھى بولغان. 1350-يىلى يېڭى پايتەخت ئايۇتىيا (بۈيۈك شەھەر) نى قۇرۇپ، ئۆزىنى راماتىبودى دەپ ئاتاپ،ئايۇتىيا سۇلالىسى(1350 — 1767) نى قۇرغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە سۇكۇتئاي سۇلالىسىنى بويسۇندۇرۇپ، مېنام دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرىدىكى رايونلار ھەمدە مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 1353-يىلى قوشۇنىنى باشلاپ كامبودژانىڭ ئاڭكور شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئوغلىنى ئاڭكور پادىشاھى قىلىپ تىكلىگەن. ئىچكى جەھەتتە ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، تايلاندتىكى ئەڭ دەسلەپكى سەككىز قىسىملىق بىر يۈرۈش قانۇن ئېلان قىلغان. 

رامادىئېر

  • رامادىئېر[يەشمىسى:]Paul Ramadier، 1691 - 8881) فرانسىيە زۇڭلىسى (1947). دەسلەپتە ئادۋوكات بولغان. 1904-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1928-يىلدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 0491 - 8391-يىللىرى ئەمگەك مىنىستىرى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانسىيىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 5491 - 4491-يىللىرى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەمىنلەش مىنىستىرى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئەدلىيە مىنىستىرى (7491 - 6491)، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى (9491 - 8491) ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (7591 -6591) بولغان. زۇڭلى بولغان مەزگىلىدە كوممۇنىستلارنى ھۆكۈمەتتىن قوغلاپ چىقىرىش پەرمانىغا ئىمزا قويغان ھەمدە «مارشالل پىلانى» نى قوبۇل قىلىشنى كۈچىنىڭ بارىچە تەرغىپ قىلغان. 2591 - 1591-يىللىرى خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى لاۋازىمەت ئورگىنىنىڭ باشلىقى بولغان. 

راماكرىشنا

  • راماكرىشنا[يەشمىسى:]Ramakrishna، 6881 - 6381)ئەسلى ئىسمى گادادخار چاتتې-رجى (Gadadhar Chatterji) ھىندىستانلىق ھىندى دىنى ئىسلاھاتچىسى، پەيلاسوپ ۋە دىنىي نەزەرىيىچى. بېنگال يېزىسىدىكى براخمان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 17 يېشىدا ئاكىسىدىن كېيىن كاھىنلىقنى ئۈستىگە ئالغان. ھىندى دىنى، ئىسلام دىنى ۋە خرىستىئان دىنلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن، خەلق مەسەللىرى ۋە تەمسىللىرىدىن پايدىلىنىپ دىنىي پەلسەپىۋى قائىدىلەرنى شەرھلەشكە ماھىر بولۇپ، ئۆمۈر بويى ھىندى دىنى تەشۋىقاتى ۋە ئىسلاھاتى پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ھىندى دىنى ئاساسىدا «ئىنسانىيەت دىنى» دىن ئىبارەت بىر يېڭى دىنىي تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئومۇميۈزلۈك مېھرىبانلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، كىشىلەردىن رېئاللىقتىن چەتنەشنى، ئىجتىمائىي كۈرەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ھىندىستان بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مۇرەككەپ روھىي ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ شاگىرتى ماخازا ئۇستازىنىڭ ھاياتىدىكى سۆز-ئىبارىلىرىنى «راماكرىشنا ئىنجىلى» دېگەن بىر كىتاب قىلىپ توپلاپ چىققان. ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى ھىندىستاندا «ھەرىكەتتىكى ۋېدانتا» دەپ ئاتالغان. 

رامان

  • رامان[يەشمىسى:]Chandrasekhara Venkata Raman، 0791 - 8881) ھىندىستان فىزىك. مادراستا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مادراس ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇپ، ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە ئوپتىكا ۋە ئاكوستىكا ئىلمىغا قىزىققان، 1906-يىلى «يورۇقلۇق دەستىسىنىڭ چېچىلىشى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئۇزاق ۋاقىت لاۋازىمەتچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئوپتىكا ۋە ئاكوستىكا ئىلمىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەن. ئايرىم-ئايرىم ھالدا كېسېن تەتقىقات مۇكاپاتىغا (1912) ۋە ۋودبوئېن تەتقىقات مۇكاپاتىغا (1913) ئىگە بولغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مادراس ئىنىستىتۇتى، كالكوتتا ئۇنىۋېرسىتېتى، لاھور ئۇنىۋېرسىتېتى، پاتنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. «ھىندىستان فىزىكا ئىلمىي ژۇرنىلى» نى تەسىس قىلىشقا قاتناشقان. 1924-يىلى ئەنگلىيە ئاقسۆڭەكلىك ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1920-يىلدىن باشلاپ يورۇقلۇق چېچىلىشىنىڭ تەجرىبە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، 1928-يىلى «بىر خىل يېڭى رادىئاتسىيە» دېگەن ماقالىسىدە چېچىلغان يورۇقلۇقتا يېڭى تۈرلۈك دولقۇن ئوزۇنلۇق تەركىبى بولىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن چېچىلغان ماددىنىڭ تۈزۈلۈشى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ دېگەننى ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ھادىسە كېيىن «رامان ئېففېكتى» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ بۇ كەشپىياتى 1930-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. كېيىن بېنگال تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، ھىندىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇدىرى ۋە رامان تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن. 

رامايانا

  • رامايانا[يەشمىسى:]Ramayana) «رامانىڭ ساياھىتى» دېگەن مەنىدە. قەدىمكى زاماندىكى ھىندىستاننىڭ مەشھۇر سانسكرىت يېزىقىدىكى داستانى. دەسلەپتە خەلق ئارىسىدا ئىجاد قىلىنغان. ئەنئەنە بويىچە ئەسەرنىڭ ئاپتورى ۋالمىكى بۇ داستاننى ئاخىرىدا پىششىقلاپ رەتلەپ چىققان بىر شائىر بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. داستاندا قەھرىمان راما (Rama) نىڭ ھاياتىدىكى ئىش-پائالىيەتلىرىنى بايان قىلىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. راما ئايئودخىيە (Айодхья) شەھىرىدىكى ئون ھارۋىلىق پادىشاھنىڭ شاھزادىسى بولۇپ، ئاتىسى ئۇنى ئورمانلىققا 14 يىل سۈرگۈن قىلغان، ئۇنىڭ خوتۇنى سىتا (Sita) نى لانكا (Ланка) دىكى ئالۋاستىلار پادىشاھى راۋانا (Равана) بۇلاپ كەتكەن. رامانىڭ ئايالىنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن لانكا (ھازىرقى سىرىلانكا) غا قىلغان يۈرۈشى ھېكايىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ. نەتىجىدە راما مايمۇنلار پادىشاھى مىيا ئوشاننىڭ ياردىمىدە راۋانانى ئۆلتۈرۈپ، سىتانى قۇتقۇزۇۋېلىپ، غەلىبە بىلەن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ تەختتە ئولتۇرغان. داستان جەمئىي يەتتە قىسىم، كونا نۇسخىسى 24000 مىسرا (ھەر مىسراسى ئىككى بىرلەشمە جۈملە). تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ياكى Ⅲ ئەسىردە شەكىللەنگەن بولۇپ، مىلادى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ھازىرقى شەكلى بارلىققا كەلگەن. بۇ داستاننىڭ ھەجمى «ماخابخاراتا» (Mahabharata) داستانىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا يەتمىسىمۇ، لېكىن تۈزۈلۈشى ئىنتايىن رەتلىك. داستاندا ئومۇمەن ئارىيانلارنىڭ جەنۇبىي ھىندىستاندا كېڭەيمىچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، دەپ ھېسابلىنىدۇ. ھېكايىنىڭ مەزمۇنى مول، ۋەقەلىكى جانلىق ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، 2000 نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ھىندىستان خەلقى زوق بىلەن ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈرۈپ تارقاتقان؛ بۇ داستان بىلەن «ماخابخاراتا» داستانى دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. 

رامبۇد

  • رامبۇد[يەشمىسى:]Alfred Nicolas Rambaud، 5091 - 2481) فرانسىيىلىك تارىخشۇناس. 1864-يىلى پارىژ دارىلفونۇنىنى پۈتتۈرگەن. نانسى قاتارلىق جايلاردىكى داشۆلەردە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1870-يىلى ئەدەبىيات بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1885-يىلىدىن باشلاپ پارىژ داشۆسى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ھازىرقى زامان تارىخىدىن لېكسىيە بەرگەن. 70-يىللاردا سىياسىي ساھەگە كىرگەن. ئىككى قېتىم جامائەت مائارىپى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان، 1895-يىلى كېڭەش پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1897-يىلى ئېتىكا ۋە سىياسىيشۇناسلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1893 — 1901-يىللىرى لاۋىسسې بىلەن ھەمكارلىشىپ «دۇنيا ئومۇمىي تارىخى» نى تۈزگەن. خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخى، روسىيە تارىخى ۋە ۋىزانتىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا قابىلىيىتى كۆرۈلگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن «1792 — 1804-يىللاردىكى فرانسىيىنىڭ گېرمانىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقى، فرانسۇزلار رېين رايونىدا»، «قەدىمكى زاماندىن 1877-يىلغىچە بولغان روسىيە تارىخى»، «9971 — 9871-يىللاردىكى فرانسىيە ئىنقىلابى تارىخى»، «فرانسىيىنىڭ مەدەنىي-ەت تارىخى»، «رۇسلار ۋە پرۇسسىيىلىكلەر» قاتارلىقلار بار.

رامسېسⅡ

  • رامسېسⅡ[يەشمىسى:]Ramses Ⅱ ياكى Rameses) قەدىمكى مىسىر 19-سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋىنى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 7321 - 4031). سېتىي Ⅰ (Seti Ⅰ) نىڭ ئوغلى. ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە نىل دەرياسى دېلتىسىنى ئاچتۇرغان. يېڭى پايتەخت رامسېس ۋە تانىس قاتارلىق شەھەرلەرنى ياساتقان؛ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش سالدۇرۇپ، تېبېس (Thebes) كاناكدىكى ئامون ئىبادەتخانىسىنى كېڭەيتىپ ياساتقان، ئابۇ-سىمبېل (Simbel Abu) نىڭ تاش ئىبادەتخانىسىنى قازدۇرۇپ، غايەت زور تاش ھەيكەللەرنى ياساتقان. تاشقى جەھەتتە خېتت بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇش قىلىپ، سۈرىيە رايونىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالاشقان. خېتت دۆلىتىنىڭ پادىشاھى مۇۋاتتاللىس (Muwattallis)بىلەن ئورۇنت دەرياسى بويىدىكى كادېشتا جەڭ قىلغان؛ مىسىر ئارمىيىسى مۇشەققەتلىك جەڭ قىلغان، خېتتلارمۇ تالاپەت تارتقان، بۇ قېتىمقى جەڭنىڭ ئەھۋالى ئامون ئىبادەتخانىسىدىكى تاش تامغا ئويۇلغان (ھازىرغىچە قالدۇق ئىزلىرى ساقلانغان). تەخمىنەن مىلادىدىن 1296 يىل ئىلگىرى (ياكى 1280 يىل ئىلگىرى) ئىككى تەرەپ سۈلھ شەرتنامىسى تۈزگەن. فىرئەۋىن يەنە جەنۇبتا نوبىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، بۇ جايدا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتقان. رامسېس Ⅱ دەۋرى مىسىر يېڭى پادىشاھلىقىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولغان، شۇنىڭدىن كېيىن كۈچى ئاجىزلاشقان. فىرئەۋىننىڭ مومياسى ھازىر قاھىرە مۇزېيىدا ساقلانماقتا. «كادېش جېڭى»گە قاراڭ. 

رانادې

  • رانادې[يەشمىسى:]Mahadev Govind Ranade، 1091 - 2481) تولۇق ئىسمى ماخاۋېد گوۋىند رانادې. ھىندىستانلىق ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچى، ئالىم. 1862-يىلى بومباي ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. كۆپ يىل بومباي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيىسى بولغان. ماخاراشترا رايونىدىكى مىللىي ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلىپ، دېكان جەمئىيىتىنى قۇرغان ھەمدە خەلق كونگېرىسى پارتىيىسىنى قۇرۇشقا پائال قاتناشقان. ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى قوللاپ، بالىلىق چېغىدا نىكاھلىنىشتىن ئىبارەت قالاق ئادەتكە قارشى تۇرغان، تۇل قالغان ئاياللارنىڭ قايتا ياتلىق بولۇشىنى ياقلىغان. «خەلق ئىگىلىكى ئېقىمى»نىڭ ئاساس سالغۇچىسى بولۇپ، ئەنگلىيىدىن مىللىي ئىگىلىكنىڭ راۋاجلىنىشىنى قوغداش، چېگرا بېجىنى قوغداش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان. پەلسەپە جەھەتتە، ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى دىن تەلىماتىنى «پاك ئىلاھكۇيلۇق» دەپ ئاتاپ، پەلسەپە بىلەن دىننىڭ ئالىي ئېتىقاد مەركىزىي — ئادەم، دەپ ھېسابلىغان. سىياسىي، ئىقتىساد ۋە تارىخقا ئائىت كۆپ خىل ئەسەرلىرى بولۇپ، ئاساسلىقلىرىدىن «ھىندىستان ئىقتىسادشۇناسلىق ماقالىلەر توپلىمى»، «مارات دۆلىتىنىڭ باش كۆتۈرۈشى» قاتارلىقلار بار.

راناۋالوناⅠ

  • راناۋالوناⅠ[يەشمىسى:]Ranavalona Ⅰ، 1800 — 1861)، ماداغاسقار پادىشاھلىقىنىڭ ئايال پادىشاھى (1828 — 1861). راداما Ⅰ نىڭ خانىكىسى. تەختتە تۇرغان چېغىدا راداما Ⅰ نىڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشنى توختاتقان، ھەرقايسى ئەللەر بىلەن تىنچ سودا ئالاقىسى قىلىشنى قۇۋۋەتلىگەن، چەت ئەللەرنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇپ، ئەنگلىيە بىلەن ئىمزالانغان بارلىق شەرتنامىلەرنى بىكار قىلغان، چەت ئەل سودىگەرلىرى ۋە دىن تارقاتقۇچىلىرىنى قوغلاپ چىقارغان. 1835-يىلى خرىستىئان دىنىنى مەنئى قىلىپ، ئىچكى قىسىمدىكى ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى باستۇرغان. 1837-ۋە 1845-يىللىرى فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ئىككى قېتىملىق ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىنى تارمار قىلىپ، دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغدىغان. 

رانجىت سىنگ

  • رانجىت سىنگ[يەشمىسى:]Ranjit Singh، 9381 — 0871) ھىندىستاندىكى پەنجاب شىك دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. «پەنجاب شىرى» دېگەن نامى بار. شىك ئاقساقىلى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدە ئاتىسىدىن يېتىم قالغان. 1799-يىلى لاھۇرنى قولغا كىرگۈزۈپ، 1801-يىلى ئۆزىنى پەنجابنىڭ ماھاراجا — (Maharaja چوڭ پادىشاھ) سى دەپ جاكارلىغان. 1805-يىلى ئامرىتسارنى بېسىۋالغان. شەرققە قاراپ كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلىغاندا ئەنگلىيىنىڭ توسۇشىغا ئۇچرىغان. 1809-يىلى ئەنگلىيە بىلەن «ئامرىتسار شەرتنامىسى» تۈزۈپ، سۇتلېج (Sutlej) دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى زېمىنلىرىنى ساقلاپ قالغان. 1813-ۋە 1823-يىللىرى ئافغانلارنىڭ ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلىپ، مۇلتان (Multan)، كەشمىر ۋە پېشاۋار قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرۇپ، پەنجابنى بىرلىككە كەلتۈرگەن.ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىدە تەدبىر قوللىنىپ كۈچلۈك شىك دۆلىتى قۇرۇشقا ئىنتىلگەن. ئىچكى سىياسەتنى تەرتىپكە سېلىپ، فېئوداللىق تەپرىقىچىلەرنى تۈگەتكەن، فرانسىيىلىك ئوفىتسېرلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن.

رانكې

  • رانكې[يەشمىسى:]Leopold von Ranke، 6881 — 5971) گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس. «رانكېچىلىق ئىلمىي مەزھىپى» نىڭ ياراتقۇچىسى. ياشلىقىدا لېيپسىگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، ئىلاھىيەت ۋە كلاسسىك تىلشۇناسلىق ئۆگەنگەن. 1818-يىلى دوكتور بولغان. 1824-يىلى تۇنجى تارىخىي ئەسىرى «لاتىن ۋە تېيتون مىللەتلىرى تارىخى، 5351 - 4941-يىللار» نى نەشىر قىلىپ، داڭقى چىققان. ئىككىنچى يىلى بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «غەيرىي دائىملىق پروفېسسۇرى» بولغان، 1836-يىلى رەسمىي پروفېسسورى بولغان. 1841-يىلى «پرۇسسىيە دۆلەت تارىخى ئەمەلدارى» لىقىغا تەيىنلەنگەن. 1865-يىلى ئاقسۆڭەكلىك ئۇنۋانى بېرىلگەن. 1871-يىلى بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پېنسىيىگە چىققان. بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان 40 نەچچە يىل جەريانىدا سېمىنار (Seminar، تەتقىقاتچىلار سىنىپىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى) نى تەتبىق قىلىپ، زور تۈركۈمدىكى تارىخ مۇتەخەسسىسلىرىنى تەربىيىلىگەن. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇنى مەركەز قىلغان «رانكېچىلىق ئىلمىي مەزھىپى» شەكىللەنگەن. ئۇ تارىخ يېزىشتا «ئەينەن بايان قىلىش» نى تەلەپ قىلىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيال ۋە تارىخىي پاكىتلارنى پەرق ئېتىپ بېكىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەچكە، غەرب ئالىملىرى تەرىپىدىن «ئىلمىي پوزىتسىيە» ۋە «ئىلمىي ئۇسۇل» بويىچە تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان تۇنجى كىشى، دەپ ئاتالغان. ئۇ پرۇسسىيە خان جەمەتىنىڭ گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى قوللاپ، ئىنقىلابقا قارشى تۇرغان، قەھرىمانلار تارىخ قارىشى ۋە مىستىسىزم تەقدىرچىلىكىنى تەرغىپ قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «پاپالار تارىخى»، «دىنىي ئىسلاھات دەۋرىدىكى گېرمانىيە تارىخى»، «پرۇسسىيە پادىشاھلىقى تارىخى»، «فرانسىيە تارىخى»، «ئەنگلىيە تارىخى»، «ئىمپېراتور فرېدېرىكنىڭ تەرجىمىھالى»، «ۋاللېنىشتېيننىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىقلار بار. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا «دۇنيا تارىخى» نى يېزىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، ئۇنى ئورۇندىيالماي ۋاپات بولغان.

رانكېچىلىق ئىلمىي ئېقىمى

  • رانكېچىلىق ئىلمىي ئېقىمى[يەشمىسى:] غەربتە يېقىنقى زامان بۇرژۇئا تارىخچىلىقىدىكى مۇھىم ئىلمىي ئېقىملارنىڭ بىرى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى گېرمانىيىدە شەكىللەنگەن. ياراتقۇچىسى ⅩⅨ ئەسىردە ياشىغان گېرمان تارىخچىسى رانكې بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى: ۋايتىس، گىئېسېبرېخت، سىبېل (Sybel) قاتارلىق كىشىلەردىن ئىبارەت. «ئوبيېكتىپچىلىق» ۋە «ئىلمىي ئۇسۇل» دېگەننى كۆككە كۆتۈرۈپ، تارىخ يېزىشتا ئوبيېكتىپ-ئادىل بولۇشنى، ئۇيان-بۇيان ئاغماسلىقنى، ئاپتور ئۆزىنىڭ سىياسىي خاھىشى ۋە دىنىي بىر تەرەپلىمىلىكلىكىنى قىستۇرماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان. تارىخ يېزىشتا بىرىنچى قول ئەسلى ماتېرىياللارنى بولۇپمۇ شۇ ۋەقەلەر شاھىدلىرىنىڭ ئەسلى خاتىرىلىرىنى ئىشلىتىشنى تەكىتلىگەن. تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ راست-يالغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى بەلگىلەشتە تارىخىي ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش ۋە پەرق ئېتىشكە ئەھمىيەت بەرگەن. لېكىن رانكېنىڭ تارىخچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئەمەلىيىتى ھامان بۇنىڭغا زىت بولغان. رانكېنىڭ شاگىرتلىرى گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى نەچچە ئون يىل ئۆز چاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇرغان. مەزكۇر ئېقىمنىڭ تارىخشۇناسلىق نەزەرىيىسى ۋە تارىخشۇناسلىق ئۇسۇلى ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى غەرب بۇرژۇئا تارىخشۇناسلىقى تەرەققىياتىنىڭ غول ئېقىمى بولۇپ قالغان. فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق مەملىكەتلەردە ئېتىقادچىلىرى ۋە ۋارىسلىرى بولۇپ، تەسىرى ناھايىتى زور بولغان، ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. 

راۋالپىندى سۈلھ شەرتنامىسى

  • راۋالپىندى سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] ئەنگلىيە ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان شەرتنامە. ئۈچىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە-ئافغانىستان ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ 1919-يىل 7-ئاينىڭ 26-كۈنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلاپ، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئافغانىستان ۋەكىلى ئەلى ئەخمەد شاھخان بىلەن ئەنگلىيە ۋەكىلى خامىلتون گرانت سېر ھىندىستاندىكى راۋالپىندى (ھازىر پاكىستانغا قاراشلىق) دا ئىمزالىغان ئافغانىستان بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈلھ شەرتنامە (ۋاقىتلىق كېلىشىم). جەمئىي بەش ماددا بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: ئەنگلىيە ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ؛ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىنىڭ بۇرۇنقى پادىشاھى بىلەن ئەنگلىيە بەلگىلىگەن ئافغانىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا پاسىلىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. 

راۋلىنسون

  • راۋلىنسون[يەشمىسى:]Henry Creswicke Rawlinson، 5981 - 0181) ئەنگلىيىلىك شەرقشۇناس، دىپلومات. ياش ۋاقتىدا بومبايدا شەرق تىللىرىنى تەتقىق قىلغان. ئەنگلىيىنىڭ قەندىھاردا تۇرۇشلۇق سىياسىي ۋەكىلى، باغدادتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى بولغان. 1855-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن، كېيىن پادىشاھلىق ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 7381 - 5381-يىللىرى ئىراننىڭ غەربىي قىسمىدىن «بېخىستۇن ئويما يېزىقى» نى تاپقان ھەمدە قەدىمكى پېرسىيە يېزىقىنى ئىزاھلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئەسەرلىرىدىن «بېخىستۇندىكى پېرسىيە مىخ يېزىقى»، «بابىلون ۋە ئاسسۇرىيە مىخ يېزىقى ھەققىدە ئىزاھ» قاتارلىقلار بار.

راۋلىنسون

  • راۋلىنسون[يەشمىسى:]George Rawlinson، 2091 - 2181) ئەنگلىيىلىك شەرقشۇناس ۋە تارىخشۇناس. دەسلەپ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1840-يىلى مۆتىۋەللى بولغان ھەمدە ئېكىسېتېر ئىنىستىتۇتى باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1845-يىلى مۇئاۋىن مۇدىر بولغان. 1859-يىلى بامپتون (Bampton) لېكسىيىسىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. 1861-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى كامدېن (Camden) قەدىمكى زامان تارىخى لېكسىيىسى پروفېسسورى بولغان. ئۇنىڭ قەدىمكى زامان شەرق دۆلەتلىرى تارىخى ۋە «ئىنجىل» تەتقىقاتىغا دائىر كۆپ خىل ئەسەرلىرى بار. ئاساسلىق ئەسەرلىرى: «قەدىمكى شەرقتىكى بەش چوڭ پادىشاھلىق»، «مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە ئۆتكەن دەۋرى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا ئاكىسى ھېنرى كرېسىۋىك راۋلىنسون (Henry Creswicke Rawlinson، 5981 - 0181) بىلەن، قەدىمكى يۇنان تارىخچىسى ھېرودوتنىڭ «تارىخ» ناملىق ئەسىرىنى ئىزاھلاپ چىققان ھەمدە بۇ كىتابنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان. 

راۋېننا

  • راۋېننا[يەشمىسى:]Ravenna)، ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى شەھەر بولۇپ، قەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە غەربىي قىسىم ئىمپېراتورى تۇرىدىغان جاي ئىدى. ئادرىياتىك دېڭىزىنىڭ بويىغا جايلاشقان. يەر شارائىتى خەتەرلىك، مۇداپىئە قىلىشقا ئەپلىك. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دەسلەپكى مەزگىللەردىكى تېسساليانلار (Thessalians، شىمالىي يۇناندا) تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان، كېيىن جەنۇبتىكى قوشنىسى ئونبولىيالار ئىگىلىگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅰ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رىم قوشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان، ئۇنىڭدىن كېيىن رىم بۇ يەرگە ئاھالە كۆچۈرگەن. ئىمپېرىيىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى، يەنى ئاۋگۇستۇس ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (مىلادىدىن 27 يىل ئىلگىرى — مىلادى 14-يىلى)، بۇ يەردە مۇھىم دېڭىز ئارمىيە بازىسى ياساپ، ئۇنىڭ پورتىنى 200 دىن ئارتۇق كېمە سىغىدىغان قىلىپ كېڭەيتكەن؛ پورت پادۇس دەرياسى بىلەن قانال ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان، بۇ قانال پادۇسا (Padusa) قانىلى ياكى ئاۋگۇست ئۆستىڭى (Augusta Fossa) دەپ ئاتالغان. راۋېننا بىلەن پورت ئارىسىدا يېڭى بىر شەھەر بىنا قىلىنىپ، كائېسارىيە (Caesaria) دەپ ئاتالغان. ئىمپېرىيە دەۋرىدە راۋېننا تەرەققىي قىلىپ شىمالىي ئىتالىيىدىكى ئەڭ زور مۇداپىئە شەھىرىگە ئايلانغان. غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، شەرقىي گوت پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى تېئودورىك بۇ شەھەرنى پايتەخت قىلغان. شەرقىي گوت ۋىزانتىيە گېنېرالى نارسېس (Narses) تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ شەھەر شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىتالىيىدىكى ھۆكۈمرانلىق مەركىزى بولغان. 752-يىلى لومباردىلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. 

رائېتىيە

  • رائېتىيە[يەشمىسى:]Raetia ياكى Rhaetia) قەدىمكى جاي نامى. ئۇ شەرقتە نورىكۇم بىلەن، غەربتە ھېلۋېتلار (Helvetii) تۇرۇشلۇق رايون بىلەن تۇتاشقان، جەنۇبىي ئالپ تېغىنى شىمالىي ئىتالىيە بىلەن تەبىئىي چېگرا قىلغان، ئۇنىڭ شىمالى بىلەن دوناي دەرياسىنىڭ ئارىلىقىدا ۋىندېلىتسىيە (Vindelicia، يەنى ھازىرقى گېرمانىيىنىڭ بادېن-ۋيۇر تېمبېرگ شتاتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە باۋارىيە شتاتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) بولۇپ، ئاساسەن ھازىرقى شۋېتسارىيە ۋە ئاۋسترىيە تىلور رايونىنىڭ كۆپ قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ رايوننىڭ قەدىمكى ئاھالىسى رائېتىلار (Rhaeti) بولۇپ، ئۇلار ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىن كۆچۈپ كەلگەن، دەپ قارىلىدۇ (ئېترۇرىيىلىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن)؛ كېيىن بۇ رايونغا كۈچلۈك، ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر كېلىتلار باستۇرۇپ كىرگەن. ئىمپېراتور ئاۋگۇستۇس (ئوكتاۋىيان) تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، يەنى مىلادىدىن 15 يىل ئىلگىرى رىملىقلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، ئۆلكە تەسىس قىلىنغان. رىملىقلار ۋىندېلىتسىيىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى رائېتىيە ئۆلكىسىگە قوشقان، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندە ئۇنى يەنە بىرىنچى رائېتىيە (ئەسلىدىكى رائېتىيە ئۆلكىسىگە توغرا كېلىدۇ) ۋە ئىككىنچى رائېتىيە (ۋىندېلىتسىيىگە توغرا كېلىدۇ) دىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكىگە بۆلگەن. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى رائېتىيە ئۆزىنىڭ ئۈزۈم ھارىقى بىلەن نام چىقارغان. 

رائېدېر

  • رائېدېر[يەشمىسى:]Erich Raeder، 0691 - 6781)، فاشىستلار گېرمانىيىسى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى، دېڭىز ئارمىيە مارشالى، ئۇرۇش جىنايەتچىسى. كىئېل دېڭىز ئارمىيە ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە جىللاند (Jylland) دېڭىز ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئاساسەن گېرمانىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى كۈچىنى قۇرۇپ چىقىشقا مەسئۇل بولغان. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، 1933-يىلى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن، 1939-يىلى دېڭىز ئارمىيە مارشالى ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ نورۋىگىيىگە باستۇرۇپ كىرىشىگە قوماندانلىق قىلغان ھەمدە ئوتتۇرا دېڭىزى رايونىنى دەرھال كونترول قىلىشنى ۋە ئاتلانتىك ئوكياندا ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1943-يىلى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئۇرۇشتىن كېيىن نيۇرىنبۇرگ خەلقئارا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. كېسەللىك سەۋەبىدىن 1955-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 

رائى

  • رائى[يەشمىسى:]Lalia Lajpat Rai، 1865 — 1928) ھىندىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. پەنجابلىق زىيالىي ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئادۋوكات ۋە مۇخبىر بولغان. «پەنجابلىقلار» قاتارلىق كۆپ خىل گېزىت-ژۇرناللارنى چىقارغان. 1880-يىلى «براخمى جەمئىيىتى» گە قاتناشقان، 1882-يىلى «ئارىيانلار جەمئىيىتى» گە قاتناشقان. كېيىن خەلق كونگېرىسى پارتىيىسى رادىكاللىرىنىڭ رەھبىرى بولۇپ، تىلاك (Tilak) ۋە پال (Pal) بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنىپ، «ئۈچ ئەزىمەت» دەپ ئاتىلىپ، «پەنجابنىڭ شىرى» دەپ داڭق چىقارغان. ئۇ، ھىندىستان تىلەمچىلىك ۋە خەير-ئېھسانغا تايىنىپ ئەمەس، بەلكى ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى ئارقىلىقلا ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلالايدۇ، دەپ قارىغان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان. 1907-يىلى بىرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەن. 1914-يىلى 5-ئايدا ئەنگلىيە، ئامېرىكىغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكىدا «ئامېرىكا ھىندىستانلىقلار ئاپتونوم ئىتتىپاقى» نى تەشكىللىگەن. 1919-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ئىككىنچى يىلى كالكۇتتا پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا خەلق كونگېرىسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، گەندى رەھبەرلىك قىلغان ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى قوللىغان. 1921-يىلى «خەلق چاكىرى جەمئىيىتى» نى قۇرغان. 1928-يىلى سىمون تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، نامايىش قىلغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئۇنىڭ «ئارىيانلار جەمئىيىتى»، «ياش ھىندىستان»، «ھىندىستاننىڭ سىياسىي ئىستىقبالى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

رائىليات ۋارى تۈزۈمى

  • رائىليات ۋارى تۈزۈمى[يەشمىسى:] رائىليات (Ryot ياكى Railyat) ھىندى تىلىدا دېھقان دېگەن سۆز بولۇپ، ئۇ ئەسلى ئەرەبچە ra،a (تېرىقچىلىق) دېگەن سۆزدىن كەلگەن. ئۇ دېھقانلارنىڭ ئىجارە تۈزۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى ھىندىستاننىڭ مادراس ۋە بومباي ئۆلكىلىرىدە يولغا قويغان بىر خىل يەر بېجى تۈزۈمى. 1793-يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 3281 — 8181-يىللىرى ئارىلىقىدا تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇلغان. ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى فېئودال ۋاڭ-گۇڭلارنى ۋە باج ھۆددىگەرلىرىنى ۋاسىتە قىلماي، ئۇلارنى خوجىلىق يەرلىرىدىن ۋە ئىجارە ئېلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، ۋارىسلىق قىلىنىدىغان يىللىق باجنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. دېھقانلارنى يەر ئىگىسى دەپ ئېتىراپ قىلىپ، ئۇلاردىن بىۋاسىتە ئىجارە ھەققى ئالغان (يەردىن چىققان ئومۇمىي مەھسۇلاتنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ياكى يېرىمىنى). كېيىن دېھقانلار بۇنداق يۇقىرى يەر ئىجارىسىنى كۆتۈرەلمىگەنلىكتىن، گەدەندىكى باج كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ، يەر تەدرىجىي ھالدا فېئودال ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەرلەر ۋە جازانىخورلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن. ماركس بۇنداق تۈزۈمنى فرانسىيىدىكى دېھقانلار ئىگىدارچىلىقىنى قوپال دوراش دېگەنىدى. 

راي

  • راي[يەشمىسى:]Ram Mohan Ray ياكى Ram Mohun Roy، 3381-2771)ھىندىستانلىق دىن ئىسلاھاتچىسى، ئالىم. بېنگالدىكى براخمان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا پاتنا ئالىي ئىسلام مەكتىپىدە ئوقۇغان، سانسكرىت يېزىقى، بائال يېزىقى، ئەرەب يېزىقى، پارىس يېزىقى، ئىنگلىز يېزىقى ۋە گرېك يېزىقلىرىغا كامىل. جۇڭگونىڭ شىزاڭ رايونىنى ساياھەت قىلغان. 1814-يىلدىن ئىلگىرى ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ باج ئەمەلدارى بولغان، خىزمىتىدىن چېكىنگەندىن كېيىن ئىجتىمائىي پائالىيەت ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1817-يىلى ھازىرقى زامان تىپىدىكى تۇنجى مەكتەپ «ھىندىستان ئىنستىتۇتى» نى تەسىس قىلغان. 1821-يىلى بېنگال تىلىدا ھىندىستان تۇنجى ھەپتىلىك گېزىتى «تولۇن ئاي گېزىتى» نى نەشىر قىلدۇرغان، ئىككىنچى يىلى پارىس تىلىدا «ئەينەك گېزىتى» نى نەشىر قىلدۇرغان. 1828-يىلى براخمى جەمئىيىتىنى قۇرغان. ئىككى يىلدىن كېيىن ئەنگلىيىگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ۋارنا تۈزۈمى ۋە تۇل قالغان خوتۇننى قوشۇپ دەپنە قىلىش، بىر ئەر كۆپ خوتۇن ئېلىش ۋە بالىلىق چېغىدا نىكاھلاندۇرۇپ قويۇش ئادەتلىرىگە قارشى تۇرغان. مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان. ئەڭ دەسلەپتە بېنگال تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، «ھازىرقى زامان بېنگال نەسرىي ئەسەرلىرىنىڭ پىرى» دەپ ئاتالغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «بىر دىن تارقاتقۇچى بىلەن ئېتىقادىنى ئۆزگەرتكەن ئۈچ جۇڭگولۇقنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى»، «تۆت سوئالغا جاۋاب»، «بېنگال تىلى گرامماتىكىسى» قاتارلىقلار بار. 

رانىيلاي ئارىۋورنى

  • رانىيلاي ئارىۋورنى[يەشمىسى:]Rainilaiarivony، 6981 — 8281)، ماداغاسقار پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى (1864 — 1895)، فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشنىڭ سەردارى. دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئۇزاق مۇددەت ئۆز قولىدا تۇتقان. 1868-يىلى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، فرانسىيىنى ماداغاسقارنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان. 5881 — 3881-يىللاردىكى فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، فرانسىيىنىڭ تاشقى ئىشلارنى ۋەكالىتەن باشقۇرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئەمما ئەمەلىيەتتە قارشىلىق كۆرسەتكەن ھەمدە قوراللىق كۈچنى تولۇقلاشقا تىرىشقان. 1895-يىلى فرانسىيە قوشۇنى پايتەخت تانانارىۋونى ئىشغال قىلغاندا ئەسىرگە ئېلىنغان. سۈرگۈن قىلىنغان جاي — ئالجىردا ئۆلگەن. 

رايياما

  • رايياما[يەشمىسى:]0381 - 0871)، ياپونىيە ئىدونىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى تارىخشۇناس، شائىر. بالىلىق ۋاقتىدىكى ئىسمى توسۇنبۇتارو، كېيىنكى ئىسمى نوپورۇ. ئىدوغا كېلىپ، شىبانو (1736 — 1807) دىن «ئومۇمىي ئۆرنەكلەردىن مۇھىم بايانلار» نى ئۆگەنگەن ھەمدە ئوتو (1745 — 1813) نىڭ جۇزى تەلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئوساكادا كۇڭزىچى ساسازاكى (1781 — 1851) نىڭ يېنىدا تۇرغان. كېيىن پايتەختكە كۆچۈپ كېلىپ، تەرەپ-تەرەپتىن ساياھەتكە كەلگەن ئەدىپلەر ۋە ئالىملار بىلەن ئالاقە قىلغان، بولۇپمۇ ئاتاقلىق دانىشمەن مارىكاۋا خوشىكاتا (8581 — 9871)ۋە ئوخىكوزو تايخاچىدو بىلەن قويۇق باردى-كەلدى قىلغان. شېئىرىي ماقالە يېزىشقا ۋە ھۆسن خەتكە ئۇستا بولۇپ، 17 يېشىدىلا «ياپونىيىنىڭ سىرتقى تارىخى» دېگەن ئەسىرىنى يېزىش ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە باشلاپ، ئاخىرى 22 توملۇق قىلىپ يېزىپ چىققان. يەنە «ياپونىيىدىكى سىياسىي ۋەقەلەر خاتىرىسى»، «ياما شېئىرلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

رەت قىلىش ھوقۇقى

  • رەت قىلىش ھوقۇقى[يەشمىسى:] قەدىمكى رىمدىكى ترىبونلار (ئاددىي خەلقلەرنى ھىمايە قىلغۇچى ئەمەلدارلار) بەھرىمەن بولىدىغان بىر خىل ئالاھىدە ھوقۇق. سېنات بىلەن ھەر دەرىجىلىك ئالىي ئەمەلدار (دىكتاتۇرىدىن باشقا) نىڭ قارار ۋە ئەمر-پەرمانلىرى ئىچىدە ئومۇمەن ئاددىي خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە خىلاپ دەپ قارالغانلىرىغا قارىتا ترىبوننىڭ «ۋېتو»، «(لاتىنچە Veto «چەكلەيمەن» دېگەن مەنىدە) دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ رەت قىلىش ھوقۇقى بولغان. بۇ ھوقۇق رىم جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ئاددىي خەلقنىڭ ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى كۈرىشى داۋامىدا مۇھىم رول ئوينىغان. 

رەشىدىددىن

  • رەشىدىددىن[يەشمىسى:]Rashid al - din Fadl Allah، 8131 — 7421) خوجا رەشىدىددىن (Khodja Rashid - eddin) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىلخانىلار خانلىقىنىڭ تارىخشۇناسى. سىياسىئونى. ئاتا-بوۋىسى يەھۇدىي. ياش ۋاقتىدا دوختۇرلۇقنى ئۆگەنگەن، كېيىن پادىشاھ ئابۇخا خان (2821 — 5621) نىڭ دوختۇرى بولغان. 1298-يىلى غازان خان تەرىپىدىن باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەن. بىر قاتار ئىقتىسادىي ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان. كېيىن تۆھمەتكە ئۇچراپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. كۆپ ئەسەر يازغان، «جامىئۇتتەۋارىخ» دېگەن ئەسەرنىڭ باش تەھرىرى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسەن موڭغۇللار ۋە ئىران تارىخى بايان قىلىنغان ھەم بۇ ئەسەر فرانكلار، يەھۇدىيلار ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ تارىخىغىمۇ چېتىلغان بولۇپ مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە. خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بار.

رەنلىشى خاتىرىلىرى

  • رەنلىشى خاتىرىلىرى[يەشمىسى:] كىتاب ئىسمى. چاۋشيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخىي كىتاب. بۇ كىتابنى لى كىنىيى (6081 — 6371) تۈزگەن. مۇھىم ۋەقەلەر مەركەز قىلىنىپ، ئالاقىدار ھۈججەتلەردىن پايدىلىنىپ تۈزۈلگەن. بۇ كىتاب جەمئىي 59 توم بولۇپ، ئەسلى نۇسخا، داۋامى ۋە قوشۇمچە دەپ بۆلۈنگەن. ئەسلى نۇسخىغا تەيزودىن بۇيانقى ھەرقايسى سۇلالىلەردىكى زور ۋەقەلەر كىرگۈزۈلگەن. نەقىل كەلتۈرۈلگەن كىتابنىڭ ئىسىملىرى ئېنىق يېزىلغان. داۋامىدا سۇزوڭ دەۋرىدىكى زور ۋەقەلەر يېزىلغان. قوشۇمچە توپلامدا مۇراسىم، ۋەقە، تارىخىي ھۈججەت، ئەدەبىيات، ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە قاتارلىقلار خاتىرىلەنگەن، ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى بايان قىلىنغان، نەقىل كەلتۈرۈلگەن كىتابنىڭ ئىسمى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن. بۇ كىتابتا ئەسلى ئەسەر خالىغانچە قىسقارتىلمىغان، تەھرىرمۇ ھېچقانداق مۇلاھىزە يۈرگۈزمىگەن، شۇڭا ئۇنىڭ تارىخىي ماتېرىيال قىممىتى خېلى يۇقىرى. چاۋشيەن نەشرىياتى نەشىر قىلغان 33 توم ئەسلى نۇسخا، 7 توم داۋامى، 19 توم قوشۇمچە نۇسخىسى خېلى توغرا بولغان. 

روبېرتىس

  • روبېرتىس[يەشمىسى:]Joseph Roberts Jenkins، 6781 — 9081) لىبېرىيە زۇڭتۇڭى(6581 — 7481، 6781 — 2781). نېگى-ر ئەۋلادى. ئامېرىكىدىكى ۋىرگىنىيىدە تۇغۇلغان. 20 ياش ۋاقتىدا لىبېرىيىگە ھەيدەپ ئاپىرىلغان. دەسلەپتە مونروۋىيىدە سودىگەرچىلىك قىلغان، خەلق قوشۇنلىرىنىڭ ئوفىتسېرى بولغان. 1839-يىلدىن باشلاپ مۇستەملىكىنىڭ مۇئاۋىن باش ۋالىيسى بولغان، 1841-يىلدىن باشلاپ باش ۋالىي بولغان. 1847-يىلى لىبېرىيە مۇستەقىللىك جاكارلىغاندا، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلىدە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ لىبېرىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى قولغا كەلتۈرگەن. 1857-يىلى يېڭى لىبېرىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 

روبېسپېر

  • روبېسپېر[يەشمىسى:]Maximilien Marie Isidore Robespierre، 1758 — 1794) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ياكوبىنچىلارنىڭ داھىيسى. ئادۋوكات ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1781-يىلى ئارتۇئا شەھىرىدە ئادۋوكات بولغان ھەمدە پەلسەپىنى تەتقىق قىلغان. رۇسسوغا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. 1789-يىلى ئارتۇئادىكى ئۈچىنچى تەبىقىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئۈچ تەبىقە يىغىنىغا قاتناشقان. ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنت مەزگىلىدە، نۇرغۇن مۇھىم نۇتۇقلارنى ئېلان قىلغانلىقى ۋە بىرمۇنچە دېموكراتىك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچسىگە ئېرىشىپ، ياكوبىن كۇلۇبىنىڭ تەسىرىگە ئىگە رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى مەزگىلىدە گىروندىچىلارنىڭ داھىيسى برىسسو بىلەن ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش مەسىلىسىدە كەسكىن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ، گىروندىچىلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، شۇ چاغدا ئىنقىلابنىڭ ئاساسىي خەۋپى مەملىكەت ئىچىدىن كېلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. 1791-يىلى 6-ئايدا لۇئى ⅩⅥ قېچىپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن، روبېسپېر قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىغا كورۇلنى تەختتىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ تەلەپنامە سۇنغان، ئۇ 17-ئىيۇلدىكى مارس مەيدانىدىكى ئاممىۋى تەلەپ قويۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى. 1792-يىلى 9- ئايدا مىللىي ئۇيۇشمىغا سايلانغان، لۇئىⅩⅥ نى سوت قىلىشقا قاتنىشىپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، كورۇلغا دەرھال ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 10-ئاۋغۇست قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ياكوبىنچىلار كۇلۇبى ۋە پارىژ كوممۇنىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ گىروندىچىلارغا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرغان ھەمدە 1793-يىل 5-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋە 6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ ۋە رەھبەرلىك قىلىپ، گىروندىچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرىسىنى ئورناتقان. 7-ئايدا ۋەتەننى قۇتقۇزۇش كومىتېتىغا كىرىپ، ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە، روسسونىڭ خەلق ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بۇرژۇئا دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت توغرىسىدىكى سىياسىي ئىدىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشقان؛ بىر قىسىم مال-مۈلۈكنى تەقسىم قىلىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئىنقىلابىي تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، مەدەنىيەت ۋە دىن قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىچكى-تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ جۇمھۇرىيەتنى ئاغدۇرۇش سۇيىقەستىنى تارمار قىلىپ، ئىنقىلابنىڭ مېۋىلىرىنى قوغدىغان ھەمدە ئىنقىلابنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرگەن. لېكىن يەرلەرنى ھەقسىز تەقسىم قىلىپ بېرىشكە قارشى تۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سەۋدايىلار، ئەبېرچىلار ۋە دانتونچىلارنى باستۇرۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئىتتىپاققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان. 1794-يىل 7-ئاينىڭ 27-كۈنى تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشىدە قولغا ئېلىنىپ، ئەتىسى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. ئەسەرلىرىدىن «روبېسپىر ئەسەرلىرى» (ئون توم) ۋە «روبېسپىر تاللانما ئەسەرلىرى» (ئۈچ توم) قاتارلىقلار بار. 

روبېسون

  • روبېسون[يەشمىسى:]Paul Robeson، 6791 — 8981) ئامېرىكىلىق ئەرلەر تۆۋەن ئاۋازلىق نېگىر ناخشىچى، ئارتىس ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچى. نېگىر قاچقۇن قۇلدىن كېلىپ چىققان پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1923-يىلى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئىككىنچى يىلى ئارتىس بولغان. 1925-يىلدىن باشلاپ ناخشا ئېيتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. «ئوتېللو» ئوپېراسى ۋە «مەغرۇر جىلغا» قاتارلىق كىنولاردا باش رول ئالغان. ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ئويۇن قويغان. جاھانگىرلارنىڭ ئىرقىي زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق تەرەققىيپەرۋەر ھەرىكەتلەرگە پائال قاتناشقان. جۇڭگو ئىنقىلابىغا ھېسداشلىق قىلغان ۋە ئۇنى قوللىغان. 1952-يىلى «دۇنيا تىنچلىقىنى كۈچەيتىش» ستالىن خەلقئارا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقتىن، 1958-يىلى ئەنگلىيىگە كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان. 1963-يىلى ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن. «مەن مۇشۇ جايدا تۇرىمەن» دېگەن ئەسىرىدە سوتسىيالىزمغا بولغان قەتئىي ئىشەنچسىنى ئىپادىلىگەن. 

روبىنسون

  • روبىنسون[يەشمىسى:]James Harvey Robinson، 6391 — 3681). ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس، پېداگوك. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زامان «يېڭى تارىخ ئىلمىي ئېقىمى» غا ئاساس سالغۇچى. 1887-يىلى خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1890-يىلى گېرمانىيە فرېبۇرگ داشۆسىنىڭ پەلسەپە دوكتورى ئۇنۋانىنى ئالغان. كېيىن پېننىسلۋانىيە داشۆسى ۋە كولۇمبىيە داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1919-يىلى بېئارد بىلەن بىرلىكتە ئىجتىمائىي تەتقىقات يېڭى مەكتىپىنى قۇرۇپ، تۇنجى مەكتەپ مۇدىرى بولغان. 1921-يىلىدىن كېيىن ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. 1929-يىلى ئامېرىكا تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئۇ كۆپ مەنبەچىلىك مەدەنىيەت تارىخى قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، جەمئىيەت، ئىلىم-پەن، ئىدىيە ۋە سەنئەت تەرەققىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، تارىخ تەتقىقاتىنى ھازىرقى رېئاللىق بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى قۇۋۋەتلىگەن. ئۇنىڭ مۇرىتلىرى كۆپ، ھەممە جايغا تارقالغان بولۇپ، غەرب تارىخشۇناسلىقىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرى «يېڭى تارىخشۇناسلىق» بولۇپ، يەنە «يېقىنقى زامان ياۋروپا تەرەققىياتى» (بېئارد بىلەن بىللە يازغان)، «شەكىللىنىۋاتقان پىكىر ئېقىمى»، «مەدەنىي سىناق» قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار. 

روتو

  • روتو[يەشمىسى:]Rotos) (1) ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرى چىلىدا ۋەيران بولۇپ شەھەرلەرگە ئېقىپ كىرىپ ئىشچىلارغا ئايلانغان ئىجارىكەش دېھقانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار شەھەر ئەمگەكچىلىرى ياكى ۋاقىتلىق ئىشچىلار بولۇپ، مۇقىم تۇرۇشلۇق جايى يوق ئىدى. ئۇلار چىلى ھازىرقى زامان پرولېتارىياتىنىڭ تەكتى ھېسابلىنىدۇ. (2) ئارگېنتىنا ۋە پېرۇدا چىلىلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. (3) ئېكۋاتوردا ئىسپانلار بىلەن ئىندىئانلار نىكاھلىشىشىدىن بولغان ئەۋلادلارنى كۆرسىتىدۇ. 

روتىشتېيىن

  • روتىشتېيىن[يەشمىسى:]фёдор Ароиовцч Ротштейн، 3591 — 1781) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق تارىخشۇناس، ئىجتىمائىي ئەرباب. 0291 — 0981-يىللىرى ئەنگلىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. بۇ مەزگىلدە شۇ جايدىكى ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە ئەنگلىيە كومپارتىيىسىنى قۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان. ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇزاق ۋاقىت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە خىزمەت قىلىپ، ئىراندا تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىل، تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ ھەيئىتى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلمىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۇنيا ئىقتىسادىي ۋە دۇنيا سىياسىي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن، 1939-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ئاساسەن ئەنگلىيە، گېرمانىيە ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخىنى، كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ «ئەنگلىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى تارىخىي تېزىسى»، «ئىككى قېتىملىق پرۇسسىيە ئۇرۇشى»، «ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

روجىكېتونا

  • روجىكېتونا[يەشمىسى:]8481 - 7671) ياپونىيە ئېدونىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ياشىغان يازغۇچى. ئېدودىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ساموراي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆمرىدە 60 تىن كۆپرەك ھېكايە يازغان. 1814-يىلى (ۋىنخۇانىڭ 11-يىلى) «سۇ بويىدا» غا تەقلىد قىلىپ «جەنۇبتىكى باش مىنىستىرنىڭ سەككىز ئاپشاركا ئىتنى كۆرگەنلىكى توغرىسىدا» نى يېزىشقا باشلاپ جەمئىي 28 يىل سەرپ قىلىپ 106 جىلدلىق كىتابنى يېزىپ چىققان ۋە رەھىمدىللىك، دىيانەتلىك، ئەدەبلىك، ئەقىدىلىك، ساداقەتلىك، قەدىردانلىق ھەم ۋاپادارلىقتىن ئىبارەت سەككىز ئەخلاقىي-پەزىلەتنىڭ نامايەندىسى بولغان سەككىز تەقۋادارنى بايان قىلىش ئارقىلىق فېئوداللىق ئەخلاقىي پەزىلەتنى تەرغىپ قىلغان. ياپونىيىنىڭ كېيىنكى ئاممىباب ئەدەبىياتىغا خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن. 

روخاس

  • روخاس[يەشمىسى:]Manuel Roxas، (1892 — 1948)فىلىپپىن زۇڭتۇڭى (1946 — 1948). فىلىپپىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1917-يىلى كاپىس شەھەرلىك پارلامېنتنىڭ ئەزاسى بولغان. 1291 — 9191-يىللىرى كاپىس ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1923-يىلى فىلىپپىن ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولغاندا مۇستەقىللىكنى تەلەپ قىلغۇچى ئەلچىلەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئامېرىكىغا بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 0491 — 8391-يىللىرى ئاپتونومىيە ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە مىنىستىرى بولغان. ياپونىيە ئىشغالىيىتى مەزگىلىدە خوسې لائۇرېل (Joce Paciano Laurel، 9591 — 1981) قورچاق ھۆكۈمىتىدە مۇھىم مەنسەپ تۇتقان. 1945-يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەن. شۇ يىلى ماكارتۇرنىڭ قانات ئاستىغا ئېلىشى بىلەن كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقلىقىغا، قوشۇمچە كېڭەش پالاتاسى تەيىنلەش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1946-يىلى ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان. شۇ يىلى 7-ئايدا فىلىپپىن مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، يېڭى جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى بولغان.

روخلفىس

  • روخلفىس[يەشمىسى:]Friedrich Gerhard Rohlfs، 6981 - 1381) گېرمانىيىلىك مۇستەملىكىچى، ئېكسپېدىتسىيىچى. 0681 — 5581-يىللىرى فرانسىيىنىڭ ئالجىرىيىدە تۇرۇشلۇق چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى پولكىنىڭ ھەربىي دوختۇرى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە ئەرەب تىلىنى ئۆگەنگەن ھەمدە ماراكەشكە بېرىپ ئېكسپېدىتسىيە ۋە ساياھەت قىلغان. 1862-يىلى ئاتلاس تاغ تىزمىلىرىنى تەكشۈرگەن، 1864-يىلى لىۋىيىنىڭ فېززان (Fezzan) رايونىغا بارغان. ئىككىنچى يىلى يەنە ترىپولىدىن يولغا چىقىپ، سەھرايى كەبىر قۇملۇقى ۋە نېگىر دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، 1866-يىلى ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىدىكى لاگوسقا يېتىپ بېرىپ، ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىن سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈپ گۋېنېيە قولتۇقىغا بارغان ياۋروپالىق بولۇپ قالغان. 1867-يىلى ئەنگلىيىنىڭ ئېفىئوپىيە يىراققا يۈرۈش ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 4781 — 3781-يىللىرى ترىپولىدىن يولغا چىقىپ لىۋىيە قۇملۇقىدىن ئۆتۈپ، مىسىرغا يېتىپ بارغان. 2881 — 8781-يىللىرى يەنە ئافرىقىنى ئېكسپېدىتسىيە قىلىشقا بېرىپ، كۇفرا (Kufra) بوستانلىقى، ئېفىئوپىيە قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 1884-يىلى گېرمانىيىنىڭ زانزىباردا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان. «ماراكەشنى كېسىپ ئۆتۈش ساياھىتى»، «ئافرىقىنى كېسىپ ئۆتۈش»، «مېنىڭ ھەبەشىستانغا بېرىشتىكى ۋەزىپەم» قاتارلىق ئەسەرلىرى بولۇپ، مۇئەييەن تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە. 

رودزيانكو

  • رودزيانكو[يەشمىسى:]Михаил Владимирович Родзянко، 4291 — 9581) روسىيىلىك سىياسەتۋاز. يېكاتېرىنوسلاۋ ئوبلاستىلىق چوڭ پومېشچىك. ئۆكتەبرچىلەرنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى. ئۈچىنچى، تۆتىنچى نۆۋەتلىك دۆلەت دوماسىنىڭ ۋەكىلى، 1911-يىلدىن باشلاپ ئۇنىڭ رەئىسى بولغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن دۆلەت دوماسى ۋاقىتلىق كومىتېتىنى تەشكىل قىلىپ، پادىشاھلىق تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن جەنۇبىي روسىيىگە قېچىپ كېتىپ، دېنىكىن رەھبەرلىكىدىكى ئاق گۋاردىيىگە قاتناشقان. ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كېتىپ، يۇگوسلاۋىيىدە ئۆلۈپ كەتكەن. 

رودو

  • رودو[يەشمىسى:]Jose Enrique Rodo، 7191 — 2781) ئۇراگۋايلىق يازغۇچى، مۇتەپەككۇر ۋە مەرىپەتچى. مونتېۋىدېئو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات پروفېسسورى، دۆلەتلىك كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى بولغان ھەمدە ئاخبارات خىزمەتچىسى بولغان. «پۈتۈن مەملىكەتلىك ئەدەبىيات ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ژۇرنىلى» نى تەسىس قىلىشقا قاتناشقان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «ئەيلىئېر» دە ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا قاراتقان تەھدىتى ئېچىپ بېرىلگەن بولۇپ، بىر قەدەر زور تەسىرلەرنى پەيدا قىلغان. باشقا ئەسەرلىرىدىن «دېڭىز ئىلاھىنىڭ مۇددىئاسى»، «پروسپېلونىڭ ئايۋىنى»، «پاروسنىڭ سەپەر خاتىرىلىرى» ۋە تەرجىمىھال ئەسىرىدىن «بولىۋار»، ئوبزور ئەسىرىدىن «روۋىن دارىئو» قاتارلىقلار بار.

رودوس

  • رودوس[يەشمىسى:]1) (Rhodos ياكى Rhodes) يەنى رودوس ئارىلى. ئېگېي دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئارال. كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كارىيە (Caria) بىلەن دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئارالدا دەسلەپتە فىنىكىيىلىك كۆچمەنلەر بار ئىدى. كېيىن يۇنانلىقلار (دوريانلار) كۆچۈپ كىرىپ، لىندۇس (Lindus، شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويلىرى) قاتارلىق ئۈچ ئولتۇراق جاي قۇرغان. ئۇلار دېڭىز سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە كولۇنىيە قۇرۇپ، ئۇنى ئىتالىيە، سىتسىلىيىدىن ئىسپانىيىنىڭ شەرق شىمالىي دېڭىز بويلىرى (رودې شەھىرى Rhode) غىچە يەتكۈزگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئارالدا ئېراتىدې (Eratidae) جەمەتىنىڭ ئولىگارخ ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان. يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە پېرسىيىگە قاراشلىق بولۇپ، پادىشاھ كېئېرىس Ⅰ گە كېمە يەتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇرۇشتا پېرسىيە مەغلۇپ بولغان، رودوس مۇستەقىللىككە ئىگە بولۇپ، ئافىنا بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. پېلوپوننېس ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا يەنە سپارتا بىلەن بىرلەشكەن (مىلادىدىن 412 يىل ئىلگىرى) ئاددىي خەلق كۈچلىرى باش كۆتۈرۈپ، ئولىگارخچىلار بىلەن كۈرەش ئېلىپ بارغان، ئىككى تەرەپنى ئافىنا بىلەن سپارتا قوللىغان. مىلادىدىن 408 يىل ئىلگىرى رودوس (شەرق شىمالىي تۇمشۇق) دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى شەھەر قۇرۇلۇپ، ئارالدىكى مەمۇرىي ئورگانلار تۇرۇشلۇق جاي قىلىنغان، رودوس پورتى يىراق-يېقىنغا داڭلىق بولغان. ئىمپېراتور ئالېكساندر شەرققە يۈرۈش قىلغاندا ماكېدونىيىگە ئەل بولغان. يۇنانلاشتۇرۇش دەۋرى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرگىچە) دە تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. داۋاملىق ئېگېي دېڭىزىدا تەسىرىنى كېڭەيتىپ، يىراقتا بوسفور بوغۇزى ئەتراپىغىچە قاتنىغان. ئارالدا يەنە يۇنانچە كۆپلىگەن بىنالار بار، بولۇپمۇ ئويمىچىلىق سەنئىتى بىلەن بىر مەزگىل داڭق چىقارغان. ئۇ يەردىكى «ئاپوللون ھەيكىلى» قەدىمكى دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يەنە ئاگېساندېر (Agesander) ئىجاد قىلغان «لائوكون ھەيكەللىرى» قاتارلىقلار بار. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە رىمنىڭ تەسىر كۈچى كىچىك ئاسىياغىچە يېتىپ بېرىپ، رودوسنىڭ تەرەققىياتى چەكلىمىگە ئۇچرىغان، ئۇنىڭ كېمىلىرىمۇ دائىم رىمنىڭ ئىشلىتىشىگە يەتكۈزۈپ بېرىلگەن. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى (مىلادى Ⅰ ئەسىر) دە رودوس مۇستەقىللىكىنى يوقىتىپ، رىمنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. ئوتتۇرا ئەسىردە بۇ ئارال ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە ئۇزاق ۋاقىت بېقىنغان ھەمدە سېن جۇئان رىتسارلار پولكى تۇرۇشلۇق جايى بولغان. ⅩⅥ ئەسىرگىچە تۈركلەر بېسىۋالغان. 1947-يىلى گرېتسىيىگە تەۋە بولغان. (2) سېسىل جون رودېس (Cecil Johon Rhodes، 1853 — 1902) ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىسى. دىن تارقاتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1870-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىغا بارغان، دەسلەپتە ئاكىسىنىڭ پاختا ئېكىنزارلىقىدا خىزمەت قىلغان، كېيىن ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە ئالماس قېزىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ بارا-بارا بېيىپ كەتكەن. 1873-يىلى ئەنگلىيىگە قايتىپ كېلىپ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان، لېكىن بۇ مەزگىلدە دائىم ئوقۇشنى تاشلاپ جەنۇبىي ئافرىقىغا بارغان. 1880-يىلى دىبىر كانچىلىق شىركىتىنى قۇرغان. 1881-يىلدىن باشلاپ كاپ مۇستەملىكىسى پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، «كاپتىن قاھىرەگىچە» بولغان ناھايىتى چوڭ مۇستەملىكە ئىمپېرىيىسى قۇرۇشنى كۈچىنىڭ بارىچە تەرغىپ قىلغان. 1888-يىلى كىمبېرلېيدا ئالماس قېزىشنىڭ مونوپوللۇق ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، 1889-يىلى قۇرۇلغان ئەنگلىيە جەنۇبىي ئافرىقا شىركىتى ئارقىلىق جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىنىڭ مال-مۈلكىنى ھەدەپ بۇلاپ-تالىغان. 1890-يىلى كاپ مۇستەملىكىسىنىڭ باش مىنستىرى ۋە ئەمەلىيەتتىكى مۇستەبىتى بولغان. 1896-يىلى خىزمىتىدىن بوشانغان. ئىنگلىز-بورلار ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى ئۈچۈن جەنۇبىي ئافرىقىنى ئىگىلەش ۋە بۇلاپ-تالاشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن، بىر قىسىم جەنۇبىي ئافرىقا مۇستەملىكىلىرى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن رودېزىيە (Rhodesia) دەپ ئاتالغان.

روژدېستۋو بايرىمى

  • روژدېستۋو بايرىمى[يەشمىسى:] خرىستىئان دىنىدا رىۋايەتتىكى قىددىس ئەيسانىڭ تۇغۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بەلگىلەنگەن بايرام كۈنى (مىلادى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى). «تەۋرات» تا ئەيسانىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى تىلغا ئېلىنمىغان. «ئىنجىل» دا بەزىلەر ئەيسا ھېرود (Herod، مىلادىدىن 4 يىل ئىلگىرى قازا تاپقان) يەھۇدىيلارغا پادىشاھ بولغان مەزگىلدە تۇغۇلغان («مەتسەي گوسپېلى». ئىككىنچى سۈرە) دېسە؛ بەزىلەر كۇئىرىنىئۇس (P.S.Quirinius) سۈرى-يىگە باش ۋالىي بولغان مەزگىل-دە تۇغۇلغان («لۇكاس گوسپېلى». ئىككىنچى سۈرە) دەيدۇ. رىمنىڭ كۇئىرىنىئۇسنى باش ۋالىيلىققا ئەۋەتكەن ۋاقتى تەخمىنەن مىلادى 6-يىلىغا توغرا كېلىدۇ. دېمەك، خرىستىئان دىنىنىڭ ئەڭ كلاسسىك ھۈججەتلىرىدىمۇ ئەيسانىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولمايلا قالماستىن، ھەتتا تۇغۇلغان يىلى توغرىسىدىمۇ ناھايىتى چوڭ ئوخشىماسلىق بار. ئاساسلارغا قارىغاندا، غەربتە ئەڭ بۇرۇن مىلادى Ⅳ ئەسىردىلا 12-ئاينىڭ 25-كۈنىنى ئەيسا تۇغۇلغانلىقىنىڭ بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتكەن، بۇ كۈن شۇ زامانلاردا تارقىلىپ يۈرگەن تەڭرى مېتېلا (قەدىمكى ئىراننىڭ قۇياش تەڭرىسى) غا چوقۇنۇش بايرام كۈنى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ، بەلكىم ئالدىنقىسى كېيىنكىسىگە ۋارىسلىق قىلغان بولۇشى ياكى تەقلىد قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. شەرق (ئالدى بىلەن غەربىي ئاسىيا) تە يۇقىرىدىكى ۋاقىتنى قىددىس ئەيسانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەيدىغان «روژدېستۋو بايرىمى» قىلىش ئادىتى خېلى ئۇزاق جەرياننى بېسىپ ئۆتكەن. 

روساس

  • روساس[يەشمىسى:]Juan Manuel de Rosas، 7781 — 3971) ئارگېنتىنالىق مۇستەبىت. 1828-يىلى قوشما شتاتچىلارنىڭ داھىيسى بولغان. 1829-يىلى بۇئېنوس ئايرېس ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقلىقىغا، قوشۇمچە ئۆلكىلىك قوراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانلىقىغا سايلانغان. ھەربىي يۈرۈش (يەنى «چۆل-باياۋانغا يۈرۈش قىلىش») نى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىندىئانلارغا قارىتا قانلىق جازا يۈرۈشى ئېلىپ بارغان. 1835-يىلى يەنە ئۆلكە باشلىقى بولۇپ، باشقا ئۆلكىلەرنى تېخىمۇ كونترول قىلىپ، ئارگېنتىنادىكى مۇستەبىتكە ئايلانغان. يۇقىرى قاتلامدىكى سودا پومېشچىكلىرى ۋە ئەكسىيەتچىل روھانىيلار قاتارلىق چېكىدىن ئاشقان ئوڭچى كۈچلەرگە ۋەكىللىك قىلغان. ئىچكى جەھەتتە تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ، بارلىق تەرەققىيپەرۋەر كۈچلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، داۋاملىق خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. تاشقى جەھەتتە ئۇراگۋاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە، برازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن كەسكىن توقۇنۇشقان. 1852-يىلى فېۋرالدىكى مونت-كاسېلوس ھەل قىلغۇچ جېڭىدە تارمار قىلىنغان. كېيىن ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. 

روستىسلاۋ

  • روستىسلاۋ[يەشمىسى:]Rostislav) چوڭ موراۋىيە گېرتسوگى (078 - 648). مويمىر Ⅰ نىڭ جىيەنى. مىلادى 846-يىلى گېرمانىيە كورۇلى لۇئى (گېرمان) نىڭ يۆلىشى ئاستىدا، مويمىر Ⅰ نىڭ ئورنىنى بېسىپ، چوڭ موراۋىيىنىڭ گېرتسوگى بولغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە گېرمانىيە فېئوداللىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ھەمدە مىلادى 863-يىلى ۋىزانتىيىنىڭ دىن تارقاتقۇچىسى سىرىل (Cyril، سۇرىل دەپمۇ ئوقۇلىدۇ) ۋە مېفودىيلارنى چوڭ موراۋىيىگە كېلىپ پىراۋوسلاۋ دىنىنى تارقىتىشقا تەكلىپ قىلىپ، گېرمانىيە دىنىي جەمئىيىتىدىن مۇستەقىل بولغان سلاۋيان چېركاۋى (869 ياكى 870) نى بەرپا قىلغان. 870-يىلى ئۆزىنىڭ جىيەنى سىۋيا توپولىك تەرىپىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن. 

روسسېللىن

  • روسسېللىن[يەشمىسى:]Roscellinus Compebnensisياكى Rucelinus، تەخمىنەن 5211 — 0501) فرانسىيە مەدرىس پەيلاسوپى ۋە تېنولوگى. مەدرىس پەلسەپىسىدىكى نومىنالىزمنىڭ ۋەكىلى. ئۇ پەقەت ئايرىم شەيئىلەرلا ھەقىقىي بولىدۇ، ئومۇمىي ئۇقۇم («ئۇنىۋېرسال») پەقەت نۇرغۇن ئايرىم شەيئىلەرنىڭ يىغىنچاقلانغان نامىدىنلا ئىبارەت، دەپ قارىغان. ئۇ خرىستىئان دىنىنىڭ ئاساسىي دىنىي ئەقىدىسى «ئۈچنىڭ بىر گەۋدىلىكى» تەلىماتىدىكى مۇقەددەس ئاتا (خۇدا)، مۇقەددەس پەرزەنت (پەيغەمبەر)، مۇقەددەس روھ ئايرىم-ئايرىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى بىر گەۋدە قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇلارنى «ئۈچ خۇدا» دەيمىز، دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1092-يىلى سوئاسسون (Soissons، فرانسىيىنىڭ شەرق شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان) دىنىي يىغىنىدا، «ئۈچ خۇدا» چىلىق بىدئەتلىك دەپ ئەيىبلەنگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كېيىنكىلەرگە يېتىپ كەلمىگەن. ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئابېليار ۋە ئانسېلم قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. 

روسسىنى

  • روسسىنى[يەشمىسى:]Gioacchino Rossini، 8681 - 2971) ئىتالىيە ئوپېرا كومپوزىتورى. نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، سائەتچىنىڭ شاگىرتى بولغان. 13 يېشىدا سىستېمىلىق مۇزىكا بىلىملىرىنى ئېلىپ، پىئانىنو چېلىش، ناخشا ئېيتىش ۋە ساز رىتىمىنى تەڭكەش قىلىشنى ئۆگەنگەن. بولونىيە تىياتىرخانىسىدا كانايچى بولغان. 1806-يىلى ئىجادىيىتىنى باشلاپ، پۈتۈن ئۆمرىدە 50 كە يېقىن ئوپېرا يازغان. 1815-يىلدىن باشلاپ دائىم نېئاپولدا تۇرۇپ، ئىككى تىياتىرخانىنىڭ رېژىسسورى بولغان. «سېۋىلىيىلىك ساتىراش» دېگەن ئەسىرىنىڭ ماتېرىيالى بومارشېنىڭ شۇ ناملىق كومېدىيىسىدىن ئېلىنغان بولۇپ، مۇزىكىسى جانلىق، يۇمۇرلۇق، فېئوداللىققا قارشى خاھىشقا ئىگە، ئۇ ⅩⅨ ئەسىر ئىتالىيە كومېدىيىسىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. 1822-يىلى ئۇ ئىتالىيە ئوپېرا ئۆمىكى بىلەن بىللە ۋېنا، پارىژ، لوندون قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئويۇن قويغان. 1824-يىلدىن باشلاپ پارىژدا تۇرۇپ، پارىژدىكى ئىتالىيە تىياتىرخانىسىنىڭ رېژىسسورى بولۇپ، ئۆزى ئىجاد قىلغان كۆپلىگەن ئەسەرنى كۆرسەتكەن، كېيىن تەكلىپكە بىنائەن پادىشاھنىڭ مۇزىكانتى بولغان. 1829-يىلى فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى ھارپىسىدىكى كەيپىياتنىڭ تەسىرلەندۈرۈشى ئارقىسىدا، شىللېرنىڭ ئوخشاش ناملىق ئوپېراسىغا ئاساسەن «ۋىليام تېئىر» دېگەن ئوپېراسىنى يېزىپ، ⅩⅢ ئەسىردىكى شۋېتسارىيە رىۋايەتلىرىدىكى بىر ۋەتەنپەرۋەرنىڭ ھابىسبۇرگ خاندانلىقىغا قارشى قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى مەدھىيىلەپ، ئىتالىيە خەلقىنىڭ يات مىللەتنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇشنى تەلەپ قىلىش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 1836-يىلى بولونىيىگە قايتىپ كەلگەن. 1847-يىلى فلورېنسىيىگە كۆچۈپ كەتكەن. 1855-يىلى يەنە پارىژغا كۆچۈپ كېلىپ، ۋاپات بولغانغا قەدەر شۇ جايدا تۇرغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىجادىيەتلىرى كۆپ ئەمەس، ئەسەرلىرىدىن ئومۇمخور، پىئانىنو مۇزىكىلىرى، ناخشا قاتارلىقلار بار.

روسې

  • روسې[يەشمىسى:]1) جون ھوللان روسې (John Holland Rose، 2491 — 5581) ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس. ياش ۋاقتىدا مانچېستېردىكى ئوۋېنىس ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1911-1933-يىللىرى كېمبرچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. پۈتۈن ھاياتىنى فرانسىيە زور ئىنقىلابى ۋە ناپولېئون دەۋرىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلاپ، جامائەت تەرىپىدىن ناپولېئوننى تەتقىق قىلغۇچى نوپۇزلۇق كىشى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، «ناپولېئون Ⅰ نىڭ تەرجىمى-ھالى»، «0091 — 0781-يىللاردىكى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تەرەققىياتى»، «ۋىلھېلم پىت ۋە ئۇرۇش»، «ناپولېئوننىڭ مىجەزى» قاتارلىقلار بار. (2) ئېدۋارد ئالسۋورت روس (Edward Alsworth Ross، 1591 — 6681). ئامېرىكىلىق سوتسولوگ. ئىل-لىنوئىس شتاتىدا تۇغۇلغان. 1891-يىلى جونىس خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە دوكتورى بولغان. ستامفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، كوننور ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا دەرس ئۆتكەن. ئۇ جەمئىيەت ئىنسانلار روھىي ھالىتىنىڭ مەھسۇلى. ئادەمنىڭ تەبىئىي ئىقتىدارى، ھەۋىسى ۋە ئارزۇسى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، دەپ قارىغان. ئىنسانلارنىڭ روھىي ھالىتى تەرەپتىن بارلىق ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى تۈپ سەۋەبنى ئىزدەشكە ئۇرۇنغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئىجتىمائىي كونتروللۇق»، «ئىجتىمائىيەت قائىدىلىرى» ۋە ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالى «70 يىلدىن بۇيان» قاتارلىقلار بار. 

روسېتا يادنامىسى

  • روسېتا يادنامىسى[يەشمىسى:] قەدىمكى مىسىرنىڭ تاش يادنامىسى. مىلادىدىن تەخمىنەن195 يىل ئىلگىرى تېبېس كاھىنى پادىشاھ پتولېمېي Ⅴ (Ptolemy Ⅴ، مىلادىدىن 081 — 502 يىل ئىلگىرى تەختتە ئولتۇرغان) كە مەدھىيە ئوقۇپ ئويۇپ چىققان يادنامە.1799-يىلى فرانسىيە (ناپولېئون) ئەسكەرلىرى نىل دەرياسى دېلتىسىدىكى روسېتا (Roseta، ھازىرقى ئەل رەشىد El Rashid) شەھىرى ئەتراپىدا ئاكوپ ياساۋاتقاندا تېپىۋالغان. ئۇ قارا رەڭلىك بازالىت تاش يادنامە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 107 سانتىمېتر، كەڭلىكى 76 سانتىمېتر، قېلىنلىقى تەخمىنەن 30 سانتىمېتر كېلىدۇ. يادنامىگە مەزمۇنى ئوخشاش بولغان ئۈچ خىل يېزىق، يەنى مىسىر ئېروگېلېف يېزىقى، مىسىر ئېروگېلېف يېزىقىنىڭ يازما شەكلى ۋە يۇنان يېزىقى ئويۇلغان. يۇنان يېزىقى 1801 — 1802-يىللىرى تەرجىمە قىلىپ چىقىلغان. فرانسىيىلىك مىسىرشۇناس چامپوللىئون روسېتا يادنامىسىنى ئاساس قىلىپ، 1822-يىلى مىسىر ئېروگېلېف يېزىقىنى تەرجىمە قىلىپ ئىزاھلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. يادنامە ھازىر ئەنگلىيىنىڭ لوندون مۇزېيىدا ساقلانماقتا. 

روسېنبېرگ

  • روسېنبېرگ[يەشمىسى:]Alfred Rosenberg، 6491 — 3981) فاشىست گېرمانىيىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسى. رېۋېل (تاللىن) دا تۇغۇلغان، ئاتىسى لىتۋالىق، ئانىسى ئېستونىيىلىك. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانىيىگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 1920-يىلى گىتلېر بىلەن تونۇشقان. 1923-يىلى پىۋىخانىدىكى توپىلاڭغا قاتناشقان. ئۇزۇن ئۆتمەي ناتسىستلار پارتىيىسى «خەلق كۆزەتكۈچىلىرى گېزىتى» نىڭ تەھرىرى بولغان. ناتسىست ئىدىيىسىنى پائال تەرغىپ قىلىش، يەھۇدىيلارنى چەتكە قاقىدىغان ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش بىلەن داڭق چىقارغان. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ سىرتقا قاراتقان سىياسىي پائالىيەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ھەمدە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تەلىم-تەربىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. 1941-يىل 7-ئايدا شەرقىي ئىشغالىيەت رايونىنىڭ باشلىقى بولۇپ، شەرقىي ياۋروپا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئىشغالىيەت رايونلارنى تالان-تاراج قىلىشنى كۈچەيتىپ، نېمىسلاشتۇرۇش سىياسىتىنى پائال يولغا قويغان. 1946-يىلى نيۇرىنبېرگ خەلقئارا ھەربىي سوتى ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان. 

روسىيە ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاش كومىتېتى

  • روسىيە ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاش كومىتېتى[يەشمىسى:] تولۇق ئىسمى «روسىيە ئەكسىلئىنقىلابچىلار ۋە ئىشنى ئاقساتقۇچىلارنى تازىلاش پەۋقۇلئاددە كومىتېتى»، قىسقارتىلغان ئىسمى «چېكا» (чека). روسى-يە ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان دىكتاتۇرا ئورگىنى. 1917-يىلى 12-ئايدا لېنىننىڭ تەشەببۇسى ۋە خەلق كومىسسارىياتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن تەسىس قىلىنغان. دزېرژىنىسكىي رەئىس بولغان. يەرلىكتە ئۆلكە، ناھىيە، ترانسپورت، مالىيە ۋە ئارمىيىدىمۇ ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاش كومىتېتلىرى قۇرۇلغان. بىر بۆلۈك قوراللىق قوشۇنغا ئىگە بولغان. ئەكسىلئىنقىلابچى، جاسۇس، ئىشنى ئاقساتقۇچىلار ۋە ھايانكەش سودىگەر قاتارلىقلارنى جازالاش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1922-يىلى 2-ئايدا دۆلەت سىياسىي قوغداش ئىدارىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. 

روسىيە-پولشا ئۇرۇشى

  • روسىيە-پولشا ئۇرۇشى[يەشمىسى:]1) 1654 -1667-يىللىرىدىكى روسىيە بىلەن پولشانىڭ ئوكرائىنا بىلەن بىلوروسىيىنى تالىشىش ئۇرۇشى. شۋېتسىيە، قىرىم خانلىقى قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ قاتناشقان. 1651-يىلى ئەتىيازدا پولشا قوشۇنلىرى ئوكرائىنانىڭ غەربىي قىسمىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. ئىككىنچى يىلى ئوكرائىنانىڭ باش ئاتامانى خىمىلىنىسكى چارروسىيىدىن بىرلىكتە ئەسكەر چىقىرىپ قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 1653-يىلى چارروسىيە ئوكرائىنا بىلەن بىلوروسىيىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن پولشاغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان. ئىككىنچى يىلى ئۇرۇش پارتلىغان. روسىيە قوشۇنلىرى شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، سىمولىنىسكى، مىنىسكى قاتارلىق شەھەرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئىشغال قىلىپ، پۈتكۈل بىلوروسىيىنى دېگۈدەك ئىشغال قىلغان. يەنە خىمىلىنىسكى قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە جەڭ قىلىپ، پولشا قوشۇنلىرىنى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىشىۋالغان قىرىم خانلىقىنىڭ قوشۇنلىرىنى تارمار كەلتۈرۈپ، ئوكرائىنانىڭ غەربىي قىسمىنى ئىشغال قىلغان، پولشاغا بېسىپ كىرىپ لوبلىننى ئىگىلىگەن. 1656-يىلى شۋېتسىيە پولشانىڭ بىر قىسىم زېمىنىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، پولشا بىلەن روسىيىنىڭ سۈلھ قىلىپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى تۈزۈشكە تۈرتكە بولغان. شۇ يىلى روسىيە بالتىق دېڭىزىغا تۇتىشىدىغان دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، شۋېتسىيە بىلەنمۇ ئۇرۇش قىلغان، ئۇرۇش بىر قانچە يىللارغىچە داۋاملىشىپ، ھەر ئىككى تەرەپتە يېڭىش-يېڭىلىشلار بولغان. 1661-يىلى شۋېتسىيە بىلەن «كالگىس سۈلھ شەرتنامىسى» نى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى زېمىنلىرىنى ساقلاپ قالغان. پولشانىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى سەۋەبىدىن شۋېتسىيە پولشادىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، پولشا روسىيە قوشۇنلىرىغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلغان. 1667-يىلى، ئۇرۇش بەكمۇ ئۇزاققا سوزۇلۇپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ئاخىرى ئاندرۇسۇۋو (Андрусово، سىمولىنسكى ئەتراپىدىكى بىر كەنت) تا «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» ئىمزالىنىپ، ئوكرائىنا بىلەن بىلوروسىيىنىڭ دېنپىر دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى بۆلىكى روسىيىگە تەۋە، كىيىۋ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى روسىيە ئىككى يىل ئىگىلەپ، پايدىلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. (1686-يىلى روسىيە كىيىۋنى قايتۇرۇۋالغان). ئۇرۇش شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشقان. (2) ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا روسىيە بىلەن ئىران (قەدىمكى پېرسىيە دەپ ئاتالغان) نىڭ كاپكازنى تالىشىپ ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. بۇ ئۇرۇش ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان. بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇش (3181 — 4081)، ئىككى دۆلەتنىڭ گىروزىيىنى تالىشىشىدىن كېلىپ چىققان. 1804-يىلى روسىيە ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. دەسلىپىدە روسىيە قوشۇنلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، كېيىن ئىران ئۇدا بىر قانچە قېتىم مەغلۇپ بولغان. ئارىلىقتا ئىران ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە تۈركىيىلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. 1812-يىلى 10-ئايدىكى ئاسلاندۇز (Aslanduz)جېڭىدە ئىران قوشۇنلىرى قاتتىق مەغلۇپ بولغان. 1813-يىلى 10-ئايدا ئىككى تەرەپ گۈلىستان (Gulestan) دېگەن جايدا سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىغان. شەرتنامىگە ئاساسەن: ئىران روسىيىگە گىروزىيە قاتارلىق جايلارنى كېسىپ بېرىش؛ روسىيىگە ئىراندا ئەركىن سودا قىلىش ھوقۇقىنى بېرىش؛ ئىران ئۆزىنىڭ كاسپىي دېڭىزدا دېڭىز ئارمىيىسى تۇرغۇزۇش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش؛ روسىيىنىڭ كاسپىي دېڭىزدا دېڭىز فلوتى تۇرغۇزۇشتەك پەۋقۇلئاددە ئىمتىيازدىن مۇستەقىل بەھرىمەن بولۇشىغا ماقۇل بولۇش، روسىيە بولسا، ئابباس مىرزا (Abbas Mirza، 3381 — 3871) نىڭ ئىراننىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىشنى قوللاش ھەم ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش بەلگىلەنگەن. 1814-يىلى 11-ئايدا، چارروسىيىنىڭ ئىراندىكى تەسىر كۈچىنى توسۇش ئۈچۈن ئەنگلىيە بىلەن ئىران روسىيىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يېڭى ئىتتىپاق شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان. كەينىدىنلا روسىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇش (8281 - 6281) پارتلىغان. ئاقىۋەت يەنىلا ئىراننىڭ يېڭىلىشى بىلەن ئاخىرلاشقان. ئىككى تەرەپ 1828-يىلى 2-ئايدا «توركمەنچايى سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. ئىران ئۆزىنىڭ جەنۇبى كاپكازدىكى بارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن، تۆلەم ئۈچۈن 20 مىليون رۇبلى تۆلىگەن. روسىيىنىڭ ئىراندا كونسۇللارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىدىن ۋە سىياسىي ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى پەۋقۇلئاددە ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشىغا ماقۇل بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئالاھىدە بىر سودا شەرتنامىسىمۇ ئىمزالانغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىران يېرىم مۇستەملىكىلىك يولىغا قەدەم قويغان. 

روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى

  • روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] روسىيە قارا دېڭىز ۋە بالقان رايونىغا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ تۈركىيە بىلەن ئۇرۇشقان. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر مۇھىم ئۇرۇشلار (1) 6961 — 5961-يىللىرىدىكى ئۇرۇش. پېتر Ⅰ روسىيە قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئازوۋ (Азов، ئازوۋ دېڭىزنىڭ شەرقىي شىمالى) رايونىنى ئىشغال قىلغان. (2) 3171 — 0171-يىللىرىدىكى ئۇرۇش. روسىيە مەغلۇپ بولۇپ، ئازوۋ رايونىنى تۈركىيىگە قايتۇرۇپ بەرگەن. (3) 9371 — 5371-يىللىرىدىكى ئۇرۇش. روسىيە ئازوۋ رايونىنى قايتىدىن تارتىۋالغان. (4) 4771 — 8671-يىللىرىدىكى ئۇرۇش. تۈركىيە مەغلۇپ بولۇپ، «كيوچۇك قاينارجا سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. (5) 1971 — 8771-يىللىرىدىكى ئۇرۇش. روسىيە قوشۇنى غەلىبە قىلىپ، تۈركىيىنى «ياسىسى سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. (6) 2181 — 6081-يىللىرىدىكى ئۇرۇش. تۈركىيە قوشۇنلىرى يېڭىلىپ، «بوخارىست سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان. (7) 9281 — 8281-يىللىرىدىكى ئۇرۇش. روسىيە غەلىبە قازىنىپ، «ئادرىياتبورگ سۈلھ شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ، روسىيە دۇناي دەرياسى ئېغىزىدىكى رايونلار بىلەن كاپكازدىكى قارا دېڭىز قىرغاقلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالغان. (8) قىرىم ئۇرۇشى (6581 — 3581). روسىيە يېڭىلىپ «پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى» ئىمزالانغان.(9)8781 - 7781-يىللى-رىدىكى ئۇرۇش. تۈركىيە يېڭىلىپ، «سان سىتېپانو سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان. روسىيە تۈركىيىگە قارىتا كۆپ قېتىملىق ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە قارا دېڭىز قىرغىقى، كاپكاز رايونى ۋە بالقان يېرىم ئارىلىدىكى كۆپلىگەن زېمىنلارنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان. 

روسىيە سوتسىيال دېموكراتلار ئىشچىلار پارتىيىسى

  • روسىيە سوتسىيال دېموكراتلار ئىشچىلار پارتىيىسى[يەشمىسى:] روسىيە پرولېتارىياتىنىڭ سىياسىي پارتىيىسى. 1892-يىلى 3-ئايدا، بىر قانچە شەھەردىكى ماركسىزم گۇرۇپپىلىرى ۋە جەمئىيەتلىرى مىنىسكىدا روسىيە سوتسىيال دېموكراتلار ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ بىرىنچى قۇرۇلتىيىنى چاقىرغان. لېكىن پارتىيە پروگراممىسى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈزۈپ چىقمىغان. لېنىننىڭ نەزەرىيە ۋە تەشكىلىي جەھەتلەردە خىزمەت ئىشلىشى ئارقىلىق، 1903-يىلىدىكى ئىككىنچى قۇرۇلتىيىدا پارتىيىنىڭ پروگراممىسى بىلەن پارتىيە نىزامنامىسى تۈزۈپ چىقىلىپ، ئاندىن ھەقىقىي بىر سىياسىي پارتىيە بولغان. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا تەشكىلىي مەسىلىلەر جەھەتتىكى ئېغىر ئىختىلاپلار تۈپەيلىدىن، پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بولشېۋىكلار ۋە مېنشېۋىكلاردىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1912-يىلى پارتىيىنىڭ ئالتىنچى نۆۋەتلىك پۈتۈن روسىيە ۋەكىللىرى يىغىنىدا، مېنشېۋىكلار پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. بولشېۋىكلار مۇستەقىل سىياسىي پارتىيىگە ئايلىنىپ «روسىيە سوتسىيال دېموكراتلار ئىشچىلار پارتىيىسى (بولشېۋىكلار)» دېگەن قوش نام بىلەن ئاتالغان. 1918-يىلى 3-ئايدىكى پارتىيىنىڭ يەتتىنچى قۇرۇلتىيىدا لېنىننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن پارتىيىنىڭ نامى «روسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىكلار)» گە ئۆزگەرتىلگەن. قىسقارتىلىپ، «ر ك پ (ب)» دەپ ئاتالغان. 1925-يىلى 12-ئايدا ئېچىلغان 14-نۆۋەتلىك پارتىيە ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىدا يەنە ئۆزگەرتىلىپ «پۈتۈن ئىتتىپاق كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىكلار)» قىسقارتىلىپ «ۋ ك پ (ب)» دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. 1952-يىلى 10-ئايدا ئېچىلغان 19-نۆۋەتلىك پارتىيە ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىدا يەنە ئۆزگەرتىلىپ، «سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيسى» قىسقارتىلىپ «سوۋېت كومپارتىيىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. 

روسىيە فېۋرال ئىنقىلابى

  • روسىيە فېۋرال ئىنقىلابى[يەشمىسى:] روسىيىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى. 1917-يىلى رۇس كالېندارى بويىچە ئىككىنچى ئايدا يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، روسىيە ئىقتىسادى خارابلىشىش گىردابىغا بېرىپ قالغان، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ، ئىنقىلاب ۋەزىيىتى كۈنساناپ پىشىپ يېتىلگەن. 1917-يىل 3-ئاينىڭ 3-كۈنى (رۇس كالېندارى بويىچە 2-ئاينىڭ 18-كۈنى) پېتروگرادتىكى پوتىلوۋ زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى ئىش تاشلاشنى باشلاپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى زاۋۇتلارنىڭ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشكەن. 10-كۈنىگە كەلگەندە، ئىشچىلار ھەرىكىتى تەرەققىي قىلىپ، پۈتۈن شەھەر بويىچە ئاچارچىلىققا قارشى، ئۇرۇشقا قارشى، چارپادىشاھ تۈزۈمىگە قارشى ئومۇميۈزلۈك سىياسىي ئىش تاشلاشقا ئايلانغان. «يوقالسۇن چار پادىشاھ»، «يوقالسۇن ئۇرۇش»، «بولكا» قاتارلىق ئىنقىلابىي شوئارلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 11-كۈنى بولشېۋىكلار پارتىيىسى پېتروگراد كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن ئىش تاشلاش ھەرىكىتى قوراللىق قوزغىلاڭغا ئۆزگەرگەن. 12-كۈنى (رۇس كالېندارى بويىچە 2-ئاينىڭ 27-كۈنى) قوزغىلاڭ پۈتكۈل شەھەرنى قاپلاپ، پايتەختتە تۇرۇشلۇق قىسىملارمۇ قوزغىلاڭغا قاتناشقان. قوزغىلاڭچى ئىشچىلار بىلەن ئەسكەرلەر چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىر ۋە گېنېراللىرىنى قولغا ئېلىپ، چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىمۇ ئارقا -ئارقىدىن ئاۋاز قوشۇپ، چار پادىشاھنىڭ يەرلىك ھاكىمىيەتلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئىنقىلابتىن كېيىن، قوزغىلاڭچى ئىشچىلار بىلەن ئەسكەرلەر، ئىشچى-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتىنى تەشكىللىگەن. بۇرژۇئازىيە مېنشېۋىكلار بىلەن سوتسىيال ئىنقىلابچىلار پارتىيىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» قۇرغان، نەتىجىدە ئىككى ھاكىمىيەت بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. شۇڭا لېنىن يەنە پارتىيە ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلابقا تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. «ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى» غا قارالسۇن. 

روسىيە-فرانسىيە ئىتتىپاقى

  • روسىيە-فرانسىيە ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] روسىيە-فرانسىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەخپىي ھەربىي ئىتتىپاق. 3981 — 1981-يىللىرى تۈزۈلگەن. گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، ئىتالىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. 1891-يىلى 8-ئايدا روسىيە بىلەن فرانسىيە ھۈججەت ئالماشتۇرۇپ: مۇبادا ئۇرۇش خەتىرىگە دۇچ كەلگەندە ئىككى تەرەپ بىرلىكتە قارشى تەدبىرنى مەسلىھەتلىشىشكە كېلىشكەن. 1892-يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ باش شتاب ئەمەلدارلىرى پېتربۇرگدا ھەربىي ئىتتىپاق كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، فرانسىيە گېرمانىيىنىڭ ياكى گېرمانىيە قوللىغان ئىتالىيىنىڭ تۇيۇقسىز زەربىسىگە ئۇچرىسا، روسىيە پۈتۈن ھەربىي كۈچ بىلەن گېرمانىيىگە ھۇجۇم قىلىش، ئەگەر روسىيە گېرمانىيىنىڭ ياكى گېرمانىيە قوللىغان ئاۋسترىيىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، ئۇ ھالدا فرانسىيە پۈتۈن ھەربىي كۈچ بىلەن گېرمانىيىگە ھۇجۇم قىلىش بەلگىلەنگەن. 1893-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋە 1894- يىل 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، روسىيە -فرانسىيە ھۆكۈمەتلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ھەربىي ئىتتىپاق كېلىشىمىنى تەستىقلىغان. مەزكۇر كېلىشىم كېيىن فرانسىيە-روسىيە، ئەنگلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئانتانتا كېلىشىمىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان. 

روسىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى

  • روسىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى[يەشمىسى:] روسىيە بۇرژۇئا-پومېشچىكلار ھاكىمىيىتى. 1917-يىلىدىكى فېۋرال ئىنقىلابى چار پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ 15-كۈنى بۇرژۇئازىيە دۆلەت دوماسىنىڭ ۋاقىتلىق كومىتېتى بىلەن پېتروگراد سوۋېتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان مېنشېۋىكلار ۋە سوتسىيال ئىنقىلابچىلار پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ مەخپىي كېلىشىمى ئارقىلىق تەشكىللەنگەن. كادېتلار پارتىيىسىدىن بولغان كىنەز لىۋوۋ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى بولغان. كادېتلار پارتىيىسى بىلەن ئۆكتەبرچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەرقايسى مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. بۇ ھۆكۈمەت خەلققە قارشى سىياسەتنى يولغا قويۇپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىپ، ئۆزى بىلەن بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىشچى-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتى ھاكىمىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان. ئىچكى كابىنېت ئۈچ قېتىم يەڭگۈشلەنگەن. 4-ئايدىكى نامايىشنىڭ زەربىسى ئاستىدا 5-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇنجى قېتىم ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن. ئەمما يەنىلا لىۋوۋنىڭ زۇڭلىلىقىدىكى مېنشېۋىكلار ھەم سوتسىيال ئىنقىلابچىلار پارتىيىسىدىكىلەر قاتناشقان بىرىنچى نۆۋەتلىك ۋاقىتلىق بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغان. ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋاقىتلىق بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەنگەن. سوتسىيال ئىنقىلابچىلار پارتىيىسىدىن بولغان كرىنىسكى زۇڭلى قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ھەم دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرى بولۇپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ گۇماشتىسى بولغان. 10-ئاينىڭ 8-كۈنى كرىنىسكى يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش سۇيىقەستىنى ئىشقا سېلىپ، ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ۋاقىتلىق بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلغان. 11-ئاينىڭ 7-كۈنى پېتروگراد ئىشچىلىرى بىلەن ئەسكەرلىرى بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. «ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى»غا قارالسۇن. 

روسىيە ئىنقىلابىي دېموكراتىزملىق تارىخشۇناسلىقى

  • روسىيە ئىنقىلابىي دېموكراتىزملىق تارىخشۇناسلىقى[يەشمىسى:] ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى روسىيىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر تارىخشۇناسلىق ئېقىمى. گېرېتسىن، بېلىنىسكى، چېرنىشېۋىسكى، دوبروليوبوۋ قاتارلىقلار بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار رادىشېۋ(Александр Николаевич Радщев ،2081 — 9471) ۋە دېكابرىستلارنىڭ ئىدىيىۋى مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان ھەمدە ئۇنى راۋاجلاندۇرغان. ئىنسانلار جەمئىيىتى تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتچانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئىقتىسادىي ئامىللارنىڭ رولىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيە مۇقەررەر ھالدا مۇئەييەن دەۋردىكى ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي بازىسنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ دەپ كۆرسەتكەن. خەلق ئاممىسى تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى شۇنىڭدەك تارىخ تەرەققىياتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن؛ سىنىپىي كۈرەشنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە غايەت زور رول ئوينايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇلارنىڭ تارىخ قاراشلىرى مول مەزمۇن ۋە چوڭقۇر پىكىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنى ماركسىزم دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنقى تارىخشۇناسلىقنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى دېيىشكە بولىدۇ. لېنىن گېرېتسىنگە باھا بەرگەن چېغىدا: ئۇ «دىئالېكتىك ماتېرىيالىزمنىڭ يېنىغىلا بېرىپ قالدى-يۇ، ئەمما تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ ئۇدۇلىدا توختاپ قالدى» دەپ كۆرسەتكەن («لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى» 2-توم، خەلق نەشرىياتى 1970-يىلىدىكى نەشرى، خەنزۇچە 417-بەت). پۈتكۈل روسىيىنىڭ ئىنقىلابىي دېموكراتىزملىق تارىخشۇناسلىقى تامامەن مۇشۇنداق بولۇپ، ئۇ تارىخشۇناسلىق نەزەرىيىسىدىكى ئىدېئالىزملىق نۇقتىئىنەزەرنى ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا يېڭىپ كېتەلمىگەن. 

روسىيە-ياپونىيە ئۇرۇشى

  • روسىيە-ياپونىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ياپونىيە بىلەن روسىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىي ۋە چاۋشيەندىكى ھوقۇق-مەنپەئەت تالىشىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بارغان جاھانگىرلىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش. 1900-يىلى چارروسىيە ئەسكەر چىقىرىپ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى ئىشغال قىلغان، «شىنچيۇ شەرتنامىسى» ئىمزالانغاندىن كېيىن، چارروسىيە يەنىلا ئەسكەرلىرىنى تولۇق چېكىندۈرۈشكە ئۇنىمىغان، ياپونىيە چارروسىيىگە ھوقۇق-مەنپەئەت بۆلۈپ بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، چارروسىيە بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان. 1902-يىلى ئەنگلىيە ياپونىيىدىن پايدىلىنىپ، چارروسىيىنىڭ يىراق شەرققە كېڭىيىشىنى توسۇش ئۈچۈن، ياپونىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. 1904-يىل 2-ئاينىڭ 8-كۈنى، ياپونىيە فلوتلىرى لۈيشۈن ئېغىزى ۋە چاۋشيەننىڭ ئىنچۇڭ پورتىدىكى چارروسىيە ئۇرۇش كېمىلىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، روسىيە ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، ياپونىيە روسىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان. ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بىر تەرەپتىن چاۋشيەندىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، روسىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلغان؛ يەنە بىر تەرەپتىن، لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، چىنجۇ ۋە داليەننى ئىشغال قىلغان، ئاۋغۇستتىكى سېرىق دېڭىز ئۇرۇشىدا، ياپونىيە فلوتى روسىيە فلوتىنى يەڭگەن. سېنتەبردىكى لياۋياڭ ئۇرۇشىدا، چارروسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى يېڭىلىپ چېكىنگەن. 1905-يىلى 1-ئايدا، ياپونىيە ئارمىيىسى لۈيشۈننى ئىستېلا قىلغان؛ 3-ئايدا ياپونىيە ئارمىيىسى فېڭتيەن (ھازىرقى شىنياڭ) نى ئىشغال قىلغان؛ 5-ئايدا، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى چارروسىيىنىڭ يىراق شەرققە يۆتكەپ كەلگەن بالتىق دېڭىز فلوتىنى يوقاتقان. 8-ئايدا ياپونىيە بىلەن ئەنگلىيە ئىككىنچى قېتىملىق ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسىنى تۈزگەن. ئۇزاق ئۆتمەي ئامېرىكىنىڭ كېلىشتۈرۈشى ئارقىسىدا، ياپونىيە بىلەن روسىيە 9-ئاينىڭ 5-كۈنى «پورتسىمۇت سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. ياپونىيە روسىيىنى جۇڭگودا قولغا كىرگۈزۈۋالغان ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىدىن جەنۇبىي مانجۇرىيە تۆمۈريولى، لۈيشۈن ۋە داليەننى ئىجارىگە ئېلىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئۆزىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر قىلغان ھەمدە ياپونىيىنىڭ چاۋشيەندىكى ئىمتىيازىنى ئېتىراپ قىلغۇزۇپ، ساخالىن ئارىلىنىڭ جەنۇبىنى بۆلۈۋالغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال خەلقى ۋە چاۋشيەن خەلقىنى ئېغىر ئۇرۇش ئاپىتى ئىچىگە ئېلىپ كىرگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن جاھانگىرلارنىڭ بۆلۈۋېلىشى ۋە زۇلمىغا ئۇچرىغان.

روسىيىنىڭ 1861-يىلىدىكى ئىسلاھاتى

  • روسىيىنىڭ 1861-يىلىدىكى ئىسلاھاتى[يەشمىسى:] روسىيىنىڭ يانچىلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىسلاھاتى ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرى- لىرىغا كەلگەندە روسىيىدىكى يانچىلىق تۈزۈم كاپىتالىزمنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلغان، قىرىم ئۇرۇشى يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ كرىزىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. دېھقانلار ھەرىكىتى كۈنساناپ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. ئالېكساندر Ⅱ ھۆكۈمىتى «دېھقانلارنى يانچىلىق بېقىندا مۇناسىۋەتتىن خالاس قىلىش ھەققىدىكى 1861-يىل 2-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى پەرمان» نى جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان. بۇنىڭدا، دېھقانلارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكى بولۇشى، پومېشچىكلارنىڭ يانچىلارنى سېتىشىغا ياكى سوۋغات قىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى، يانچىلارنىڭ ئۆز مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش، ئەرز قىلىش ۋە سودا-سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى؛ يەرلەر يەنىلا پومېشچىكلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدىغانلىقى، يانچىلار كىشىلىك ئەركىنلىكىگە ۋە يەرگە ئېرىشمەكچى بولسا جەزمەن زور مىقداردا پۇل تۆلىشى لازىملىقى بەلگىلەنگەن. يەرلەرنىڭ چېگرىسىنى بېكىتىش ۋاقتىدا پومېشچىكلار دېھقانلارنىڭ بۇرۇنقى يەرلىرىنىڭ [SX(]2[]5[SX)] قىسمىغىچە تارتىۋالغان (كېسىپ ئالغان) ھەمدە ناچار يەرلەرنى دېھقانلارغا بۆلۈپ بەرگەن. ئىسلاھاتتىن كېيىنكى دېھقانلارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن، يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تىزگىنلىشىدىكى يېزا جامائەسى ۋە يېزا تەشكىلاتلىرى قۇرۇلغان، شۇنداقلا دېھقانلارنى نازارەت قىلىدىغان ئومۇمىي كېپىللىك تۈزۈمى ئورنىتىلغان. بۇ قېتىمقى ئىسلاھات پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرىنى خېلى دەرىجىدە ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن شەرت يارىتىپ بەرگەن. 

روسىيىنىڭ تۇنجى قېتىملىق بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى

  • روسىيىنىڭ تۇنجى قېتىملىق بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى[يەشمىسى:] يەنى «1905-يىلىدىكى روسىيە ئىنقىلابى». 

روسىيىنى ئېلېكترلەشتۈرۈش پىلانى

  • روسىيىنى ئېلېكترلەشتۈرۈش پىلانى[يەشمىسى:] سوۋېت دۆلىتىنىڭ ئېلېكترلەشتۈرۈش ئاساسىدا خەلق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى تۇنجى ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانى. 1920-يىلى لېنىننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن روسىيىنى ئېلېكترلەشتۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان. سەككىزىنچى نۆۋەتلىك پۈتۈن روسىيە سوۋېتى ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان. لېنىن ئۇنى «پارتىيىنىڭ ئىككىنچى پروگراممىسى» (ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش پروگراممىسى) دەپ ئاتىغان ھەمدە «سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى ئېلېكترلەشتۈرۈشنىڭ ئۆزى كوممۇنىزمدۇر» دېگەن مەشھۇر فورمۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. پىلان مۇددىتى 10 يىلدىن 15 يىلغىچە بولغان، نۇقتىلىق ھالدا 20 ئوت كۈچى ئېلېكتر ئىستانسىسى، 10 سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇش، توك چىقىرىش ئىقتىدارىنى 1 مىليون 500 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكۈزۈش پىلانلانغان. سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى 1913-يىلغا قارىغاندا 08% تىن 001% كىچە يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ھەمدە خىلمۇخىل تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ، ماشىنىلاشقان كوللېكتىپ يېزا ئىگىلىكىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن شەرت ھازىرلاشنى بەلگىلىگەن. كېيىن بۇ پىلان مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالغان. 1935-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە 40 ئورۇندا ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇپ، ئومۇمىي توك چىقىرىش ئىقتىدارى ئىلگىرىكى پىلاندىن ئىككى ھەسسە ئېشىپ كەتكەن.

روكفېللېر

  • روكفېللېر[يەشمىسى:]John Davison Rockefeller، 7391 — 9381) ئامېرىكىلىق مونوپول كاپىتالىست. نيۇ-يورك شتاتىدا تۇغۇلغان. 1853-يىلى كىلىۋلاند ئەتراپىدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىغا كۆچۈپ بارغان. 16 يېشىدا ھېسابات خاتىرىلىگۈچى بولغان. كېيىن باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ سودىگەرلىك قىلغان. 1870-يىلى باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ، موبىل نېفىت شىركىتىنى قۇرغان، كېيىن بۇ شىركەت تەدرىجىي نېفىت مونوپول تەشكىلاتى بولۇپ شەكىللەنگەن ھەمدە ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ مالىيە مونوپول گۇرۇھىغا ئايلانغان. نۇرغۇنلىغان بانكا، ئىستراخۋانىيە شىركىتى، تۆمۈر يول، كان، دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، زاۋۇت، فابرىكا قاتارلىق كارخانىلىرىغا ئىگە بولغان. ئاخىرقى يىللىرى ئۇ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەدەنىيەت-مائارىپ ۋە پەن-تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن زور مىقداردا پۇل ئىئانە قىلىپ، «روكفېللېر فوندى» تەسىس قىلغان. ئۇنىڭ جەمەتى ئامېرىكا بويىچە ئەڭ باي جەمەتنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

روكۇخاراتەنتى

  • روكۇخاراتەنتى[يەشمىسى:] ياپونىيە كاماكۇرا شوگناتىنىڭ پايتەخت روكۇخارادا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارىنىڭ نامى. ئۇنىڭ ئورنى جىچۇەن، ليەنشۇدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 1221-يىلدىكى شوخسا توپىلىڭىدىن كېيىن، شوگنات خان جەمەتىنى نازارەت قىلىش ھەمدە قوشۇمچە غەربىي قىسىمدىكى ھەرقايسى بەگلىكلەرنى باشقۇرۇش، 1185-يىلدىن بۇيان تەسىس قىلىنغان پايتەخت قوغداش مەھكىمىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان. ھوجوتوكىفۇسا، ھوجوياسۇتوكىلار جەنۇب ۋە شىمالدىكى ئىككى شوگناتنىڭ ئەمەلدارى بولۇپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى مەمۇرىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغان. كېيىن ھوجو قەبىلىسى تەرىپىدىن ۋارىسلىق قىلىنغان. 1333-يىلدىن كېيىن تېننو دائىگو شوگناتىنى يوقاتماقچى بولغاندا ئاكاماتسۇنورىمۇرا قاتارلىقلار روكۇخاراغا ھۇجۇم قىلغان. ھوجوتوكىماسا ئۇرۇشتا ئۆلگەن. ھوجوتوكىناكا قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇمۇ ئومىدىكى ئۇرۇشتا ئۆلگەن. بۇ ئورگان ۋە ئەمەل نامى بىراقلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 

روگېرⅡ

  • روگېرⅡ[يەشمىسى:]Roger Ⅱ، تەخمىنەن 4511 — 3901) سىتسىلىيە كورۇلى (4511 — 0311). 1101-يىلى ئاتىسى روگېر Ⅰ نىڭ ئورنىغا سىتسىلىيە گرافى بولغان. 1122-يىلى كالابرىيە گېرتسوگى بولغان. 1127-يىلى يەنە قوشۇمچە ئاپۇلىيە (Apulia، ئورنى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدا) گېرتسوگى بولغان. 1130-يىلى جەنۇبىي ئىتالىيە بىلەن سىتسىلىيىنى بىرلەشتۈرۈپ، سىتسىلىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 1139-يىلى پاپا ئىننوكېنتىي Ⅱ نى ئۆزىنىڭ سىتسىلىيە كورۇلى، ئاپۇلىيە گېرتسوگى ۋە كاپۇيە (Kapua، ئورنى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدا) شاھزادىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. 3511 — 5311-يىللىرى قايتا-قايتا شىمالىي ئافرىقا دېڭىز بويلىرى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ، ترىپولى شەھىرىنى بېسىۋالغان. 1147-يىلى ۋىزانتىيىنىڭ قولىدىن كورفۇ (Corfu) ئارىلىنى تارتىۋالغان. قىزى كوسنتانز(Kosntanz، 1152 - 1198)نى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ھېنرىخ Ⅵ گە ياتلىق قىلغان، ھېنرىخ 1194-يىلى سىتسىلىيە پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. 

رولان

  • رولان[يەشمىسى:]Jean - Marie Roland La PlatiereLe، 3971 — 4371) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى گىروندىچىلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى. نانت قاتارلىق جايلاردا زاۋۇت مۇپەتتىشى بولغان، مول پەننىي ۋە سانائەت بىلىملىرىگە ئىگە بولغان. 1784-يىلى لېئوندىكى ھەرقايسى زاۋۇتلارنىڭ باش مۇپەتتىشى بولغان. 1790-يىلى لېئون شەھەرلىك ھۆكۈمىتىگە كىرگەن ھەمدە بۇ شەھەردە ياكوبىنچىلار كۇلۇبىنى قۇرغان. 1791-يىلى پارىژغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئىككىنچى يىلى گىروندىچىلار ئىچكى كابىنېتىنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان، كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 10-ئاۋغۇست قوزغىلىڭىدىن كېيىن يەنە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. روبېسپېر ۋە دانتون باشچىلىقىدىكى تاغلىقلارغا كۈچىنىڭ بارىچە قارشى تۇرۇپ، كورۇلغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىشنى توسۇپ قالماقچى بولغان. كورۇلغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەندىن كېيىن، مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1793-يىلى 6-ئايدا ئىيۇندا گىروندىچىلارنى تازىلىغان چاغدا نورماندىيىگە قېچىپ بارغان، ئايالىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۇ ئايالى بىلەن بىرلىكتە «قوي يۇڭى توقۇلما بۇيۇملىرىنى ياساش سەنئىتى»، «پاختا توقۇلما بۇيۇملىرىنى ياساش سەنئىتى»، «تورف قازمىچىلىق تېخنىكىسى» ۋە «ئەدەبىياتنىڭ چەت ئۆلكىلەردىكى تەسىرى توغرىسىدا» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

رولان خانىم

  • رولان خانىم[يەشمىسى:]Jeanne Marie Phlipon Roland de La Platiere، 1754 — 1793) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى گىروندىچىلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى. نەققاش ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ياخشى تەربىيە كۆرگەن. 1780-يىلى رولان بىلەن توي قىلغان. 1791-يىلى پارىژغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. گىروندىچىلارنىڭ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ سىياسەت بەلگىلىشىگە قاتنىشىپ، ھەر خىل ھۈججەتلەرنى تەييارلاپ، گىروندىچىلارنىڭ پىرى بولۇپ قالغان. كېيىن ياكوبىنچىلار بىلەن كەسكىن توقۇنۇش يۈز بەرگەندە، 1793-يىلى 6-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، 11-ئايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. ئەسەرلىرىدىن «ئەسلىمە» ۋە «خەت-چەكلەر توپلىمى» قاتارلىقلار بار.

روللو

  • روللو[يەشمىسى:]Rollo ياكى Rolf، تەخمىنەن 039 — 068) نورمانلارنىڭ يولباشچىسى، بىرىنچى ئەۋلاد نورماندىيە گېرتسوگى (911-تەخمىنەن 930). دېڭىز قاراقچىسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ ئەنگلىيە، نېدىرلاندىيە ۋە فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا ئۇشتۇمتۇت تاجاۋۇز قىلغان. مىلادى 911-يىلى فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅲ بىلەن سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىغان، چارلېس نورماندىيىنى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئايرىپ بېرىشكە قوشۇلغان، شۇنىڭ بىلەن نورماندىيە كىنەزلىكى قۇرۇلغان؛ روللو ئۆزىنىڭ فرانسىيىنىڭ بېقىندىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ھەمدە چارلېس Ⅲ نىڭ قىزى گىسېلا (Gisela) نى خوتۇنلۇققا ئالغان. كېيىن نورماندىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان نورمانلار تەدرىجىي فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىشنى ئۆگىنىپ، فرانسىيىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى قوبۇل قىلغان. 

رومانوۋ سۇلالىسى

  • رومانوۋ سۇلالىسى[يەشمىسى:]Романовы) رۇس فېئودال خاندانلىقى (7191 - 3161). 1613-يىلى 1-ئايدا پۈتۈن روسىيە بويىچە ئەمەلدارلار يىغىنى چاقىرىلىپ، 2-ئايدا رومانوۋ جەمەتىدىكى مىخائىل فېيدوروۋىچ (Михаил фёдорович، 5461 - 6951) چار پادىشاھلىقىغا سايلىنىپ، رومانوۋ خاندانلىقى باشلانغان. بۇ خاندانلىق ئىچكى جەھەتتە مۇتلەق پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىپ، 1649-يىلى قانۇن ئېلان قىلىپ، يانچىلىق تۈزۈمىنى قانۇن شەكىلدە مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۇنى چار پادىشاھ مۇستەبىت تۈزۈمىنىڭ ئاساسىغا ئايلاندۇرغان. فېئودال ئاقسۆڭەكلەر ۋە پومېشچىكلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، كەڭ يانچىلار ۋە ئەمگەكچى خەلقنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىپ ۋە ئېزىپ، رازىن قوزغىلىڭى، پۇگاچىۋ قوزغىلىڭى قاتارلىق كۆپ قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭىنى ۋە خەلق دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى دەھشەتلىك باستۇرغان. تاشقى جەھەتتە مۇستەملىكىچىلىك-كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ كەڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىپ، ياۋروپا ۋە دۇنيا زومىگەرلىكىنى تالاشقان. ⅩⅨ ئەسىردىن كېيىن، مەملىكەت ئىچىدىكى سىنىپىي زىددىيەت كۈنسايىن كەسكىنلىشىپ، فېئودال يانچىلىق تۈزۈمى كاپىتالىستىك مۇناسىۋەتنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن پارچىلىنىشقا باشلىغان. 1861-يىلى يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، مونوپول كاپىتالىزم بىلەن فېئودال يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى بىرلىشىپ، ھەربىي فېئودال جاھانگىر دۆلەتنى شەكىللەندۈرگەن. ئاخىرقى ئەۋلاد پادىشاھ نىكولاي Ⅱ ئەخم-ەق ۋە زوراۋان ب-ولۇپ، 1917- يىلدىكى فېۋرال بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. 

روممېل

  • روممېل[يەشمىسى:]Erwin Rommel، 4491 — 1981)، فاشىستلار گېرمانىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى. ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدە لېيتېنانت بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىدە داۋاملىق خىزمەت ئۆتىگەن ۋە ناتسىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1938-يىلى گىتلېرنىڭ شەخسىي مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1940-يىلى فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلغان. 7-تانكا دىۋىزىيىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئىككىنچى يىلى ئافرىقا جۈنتۇەنىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، شىمالىي ئافرىقىدىكى گېرمانىيە-ئىتالىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىشقا مەسئۇل بولغان. «چۆل تۈلكىسى» دەپ نام ئالغان. ئەنگلىيە ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغانلىقتىن، 1942-يىلى مارشاللىققا كۆتۈرۈلگەن. 1943-يىلى شىمالىي ئافرىقىدا مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەندىن كېيىن، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى گېرمانىيە جىتۇەنجۈنىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1944-يىلى فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى گېرمانىيە جىتۇەنجۈنىنىڭ قوماندانى ۋە مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ گېرمانىيە ئارمىيىسى يۇقىرى قاتلىمىنىڭ گىتلېرنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىگە چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، شۇ يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا مەجبۇر بولغان. 

رومولۇس

  • رومولۇس[يەشمىسى:]Romulus) رىۋايەتلەردىكى رىم شەھىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، «پادىشاھلىق دەۋر» نىڭ تۇنجى پادىشاھى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ بىلەن رىمۇس (Remus) ئۇرۇش خۇداسى مارس (Mars) بىلەن رېياسىلىۋىيە (Rhea Silivia) دىن تۇغۇلغان قوشكېزەك ئاكا-ئۇكىلار بولۇپ، ئامولىي (Amulius) تەختنى تارتىۋالغاندىن كېيىن ئۇلارنى تىبر (Тибр) دەرياسىغا تاشلىۋېتىپتۇ. ئىككى بوۋاق دولقۇننىڭ ئۇرۇشى بىلەن قىرغاققا چىقىپ قالغاندا ئۇلارنى بىرچىشى بۆرە ئېمىتىپ بېقىپتۇ ۋە پادىچى ئەر-خوتۇن بېقىپ چوڭ قىپتۇ، ئۇلار چوڭ بولغاندا ئامولىيىنى ئۆلتۈرۈپ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋاپتۇ. ئۇلار تىبر دەرياسى بويىدا بىر يېڭى شەھەر بىنا قىپتۇ (مىلادىدىن ئىلگىرى 357 — 457)، ئاكا-ئۇكىلار ئۆزئارا چىقىشالماي، رومولۇس ئىنىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن بۇ شەھەرنى رىم (Roma) شەھىرى دەپ ئاتاپتۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «پادىشاھلىق دەۋر» باشلىنىپتۇ. «رىمنىڭ كېلىپ چىقىشى» غا قاراڭ. 

رومېن روللان

  • رومېن روللان[يەشمىسى:]Romain Rolland، 4491 — 6681) فرانسىيە يازغۇچىسى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچىسى. پارىژ ئالىي سىفەن ۋە رىم-فرانسىيە ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، تولستوينىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. 1895-يىلى سەنئەت دوكتورى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پارىژ ئالىي سىفەندە سەنئەت تارىخى پروفېسسورى ۋە پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇزىكا تارىخى پروفېسسورى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تىنچلىقپەرۋەر مەيدانىدا تۇرۇپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى ئەيىبلىگەن. 1916-يىلدىن باشلاپ گوركىي بىلەن خەت يېزىشىپ تۇرغان ۋە دوستلۇق ئورناتقان. روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنى قىزغىن مەدھىيىلىگەن. 20-يىللاردا ئاسىيانى زىيارەت قىلغان، ھىندىستانغا بارغان. 1925-يىلى تەرەققىيپەرۋەر ژۇرنال «ياۋروپا» نى تەسىس قىلغان. 30-يىللاردا ئۇرۇشقا قارشى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، 1932-يىلى ئامىستېردامدا ئېچىلغان ئۇرۇشقا قارشى خەلقئارا يىغىننىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان. 1935-يىلى موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىنى مەدھىيىلىگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانسىيە ۋە ياۋروپا ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ فاشىزمغا قارشى كۈرىشىنى قوللىغان. «بۆرە»، «دانتون»، «14-ئىيۇل»، «مىكىلانگېلونىڭ تەرجىمىھالى»، «بېتخوۋېننىڭ تەرجىمىھالى»، «تولستوينىڭ تەرجىمىھالى»، «جون كرىستوپ» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 1915-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

رومىنىيە بىلەن ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا بېجى ئۇرۇشى

  • رومىنىيە بىلەن ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا بېجى ئۇرۇشى[يەشمىسى:]1886 — 1891-يىللىرى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى رومىنىيىگە قارىتا قوزغىغان ئىقتىسادىي كۈرەش. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60 — 70-يىللىرى ترانسىلۋانىيە مىللىي سودا-سانائىتى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلگەندە، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ترانسىلۋانىيىدىكى رومىنىيە بۇرژۇئازىيىسىنى بېسىش ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن رومىنىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، چېگرا بېجى قانۇنى بەلگىلەپ، چارۋا ماللارنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلىپ، رومىنىيىنىڭ باشقا تاۋارلىرىنىڭ ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەن. نەتىجىدە ترانسىلۋانىيە ئىقتىسادى قالايمىقانچىلىقىنى پەيدا قىلىپ، مىللىي ھەرىكەتنىڭ يېڭى دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

رومىنىيە دېھقانلار قوزغىلىڭى

  • رومىنىيە دېھقانلار قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] يېقىنقى زاماندىكى رومىنىيە دېھقانلىرىنىڭ فېئودالىزمغا ۋە كاپىتالىستىك ئېكسپىلاتاتسىيىگە قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلىڭى. ئاساسلىقى ئىككى قېتىم يۈز بەرگەن: (1) 1887-يىلى قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەن، ئىككىنچى يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇرزىكېنى (Urziceni، يەنى يالومىتىيە Ialomitia) دە دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ قوشنا ناھىيىلەرگىچە كېڭەيگەن. قوزغىلاڭچىلار ئىمنىيىلەرنى ئىشغال قىلىپ، پومېشچىكلارنىڭ يەرلىرىنى ۋە دۆلەت ئىختىيارىدىكى يەرلەرنى تەقسىم قىلىشقان. 4-ئايدا، قوزغىلاڭ باستۇرۇۋېتىلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇزېئو (Buzau)، رىمنىكۇ-سېرات (Rimnicu Sarat) قاتارلىق ناھىيىلەردە يەنە كۆتۈرۈلگەن ھەمدە مولدوۋانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تۇتىشىپ، ئاندىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى 32 ناھىيىنىڭ 27 سىگە كېڭەيگەن. قوزغىلاڭ بۇخارېست قاتارلىق جايلاردىكى زىيالىيلار بىلەن ئىشچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئاخىر بىر تۇتاش رەھبەرلىك كەمچىل بولغاچقا، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەرىپىدىن بىر-بىرلەپ تارمار قىلىنغان. قوزغىلاڭچىلاردىن 1000 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلتۈرۈلگەن ياكى يارىدار قىلىنغان، 3000 دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنىپ سوراق قىلىنغان. قوزغىلاڭ مۇتەئەسسىپلەر ھۆكۈمىتىنى دېھقانلارنىڭ يەر مەسىلىسىنى قىسمەن ھەل قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن پاراكەندىچىلىك داۋاملىق بولۇپ تۇرغان. (2) 1907-يىلى 2-ئايدا، مولدوۋا دېھقانلىرى يەر ئىجارىسىنى كۆپەيتىشكە قارشى تۇرۇپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭچى دېھقانلار يېزىلىق ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا تۇيۇقسىز زەربە بېرىپ، فېئوداللىق ھۈججەتلەرنى كۆيدۈرۈۋەتكەن ھەمدە شەھەرگە يۈرۈش قىلغان. بوتوسانى (Botosani)، ياسسى (Iasi)، دوروخوئى (Dorohoi) قاتارلىق جايلار دېھقانلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان. 3-ئايدا، قوزغىلاڭ ۋالاخىيىدىكى مونتېنىيە (Montenia) ۋە ئولتېنىيە (Oltenia) گىچە كېڭەيگەن. قوزغىلاڭچىلار يەر تەلەپ قىلىش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېمنىيلەرنى ۋەيران قىلىپ، پومېشچىكلارنى جازالاپ، يەرلەرنى تەڭ بۆلۈشكەن. شەھەرلەردىكى ئىشچىلارمۇ مەدەت بەرگەن. بۇ قوزغىلاڭ رومىنىيىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئايلانغان. لېكىن ئاغمىچىلارنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىغان. كېيىن ھۆكۈمەت 140 مىڭ كىشىلىك قوشۇن يۆتكەپ كېلىپ قوزغىلاڭنى باستۇرغان، دېھقانلاردىن 11 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان. قوزغىلاڭ رومىنىيىنىڭ 1908 — 1912- يىللىرىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رومىنىيە مىللىي پارتىيىسى

  • رومىنىيە مىللىي پارتىيىسى[يەشمىسى:] ترانسىلۋانىيىدىكى رومىنىيە مىللىي بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مىللەتپەرۋەر پارتىيىسى. 1881-يىلى قۇرۇلغان، ئۇنىڭ تەكتى 1869-يىلى قۇرۇلغان بانات ۋە ۋېنگرىيىدىكى رومىنىيە مىللىي پارتىيىسى ھەم ترانسىلۋانىيىدىكى رومىنىيە مىللىي پارتىيىسى ئىدى. ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئىككى پارتىيە بىرلەشكەن. ئۇنىڭ پروگراممىسى: ترانسىلۋانىيە ئاپتونومىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىش، مەمۇرىي، ئەدلىيە ئورگانلىرىدا رومىنىيە تىلىنى ئەركىن ئىشلىتىش ھوقۇقى بولۇش، مىللىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، سايلام ھوقۇقىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ پارتىيە ۋېنا ئوردىسىغا مېموراندۇم سۇنۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق پروگراممىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان. 1892-يىلدىكى مېموراندۇم ھەرىكىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان.

رومىنىيە-ۋېنگرىيە سۈلھ لايىھىسى

  • رومىنىيە-ۋېنگرىيە سۈلھ لايىھىسى[يەشمىسى:] 1849-يىلى 7-ئايدا رومىنىيە ئىنقىلابچىلىرى بىلەن ۋېنگرىيە ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى ترانسىلۋانىيە رايونىدىكى رومىنىيە مىللىتىنىڭ مىللىي ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ۋېنگرىيە ئىنقىلابى بىلەن رومىنىيە ئىنقىلابىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىمزالىغان يارىشىش كېلىشىمى. شۇ يىلى ئەتىيازدا رومىنىيە ئىنقىلابىي دېموكراتىزمچىلىرىدىن نىكولاي بىلىسېسكو قاتارلىق كىشىلەر ۋېنگرىيىگە بېرىپ، دېبرېسېن (Debrecen) دا كوشوت باشچىلىقىدىكى مازال (ۋېنگرىيە مىللىتىنىڭ نامى) ئىنقىلابىي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان. 7-ئاينىڭ 14-كۈنى سېگېت (Seghedin) تا رومىنىيە-ۋېنگرىيە سۈلھ لايىھىسىگە ئىمزا قويغان. ئۇ جەمئىي 18 ماددا بولۇپ، «رومىنىيە خەلقىنىڭ مىللىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە رومىنىيە-مازال سىياسىي ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى پرىنسىپال بايانات»، «رومىنىيە پولكى قۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» دىن ئىبارەت ئىككى ھۈججەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لايىھىگە ئاساسەن، رومىنىيىلىكلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان رايونلاردىكى مەمۇرىي ئورگانلار ۋە سوت مەھكىمىلىرى مىللىي تىلنى ئىشلىتىپ، رومىنىيە تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپلەرنى تەسىس قىلغان؛ دېھقانلارنىڭ بارلىق فېئوداللىق مەجبۇرىيەتلىرىنى بىكار قىلىپ، پومېشچىكلار قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەرلەرنى دېھقانلارغا قايتۇرۇپ بەرگەن؛ رومىنىيە ئىنقىلابىي ئارمىيىسى مازال قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسى ۋە چارروسىيە ئارمىيىسىگە قارشى تۇرغان. ۋېنگرىيە ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغانلىقتىن، رومىنىيە-ۋېنگرىيە بىرلەشمە سېپى ئاخىر ۋۇجۇدقا چىقالمىغان.

رومىنىيە ئىشچى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى

  • رومىنىيە ئىشچى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى[يەشمىسى:] رومىنىيىدىكى تۇنجى پرولېتارىيات پارتىيىسى. 1893-يىلى 4-ئايدا بۇخارېستتا قۇرۇلغان. پارتىيە پروگراممىسىدا: ئومۇمىي سايلام، ھەقسىز مائارىپ، ئەر-ئاياللار سىياسىي ۋە قانۇن جەھەتتە باراۋەر بولۇش، يىغىلىش، جەمئىيەتلەرگە ئۇيۇشۇش، ئىش تاشلاش قاتارلىق ھوقۇقلارغا كاپالەتلىك قىلىش، 14 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىشلىشىنى مەنئى قىلىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يەر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن پارتىيە پروگراممىسى ئىسلاھاتچىلىق نۇقتىئىنەزەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، رومىنىيە ئىنقىلابىي ئۆزگىرىشى بىرقەدەر ئىلغار مەملىكەتلەردىكى ئوخشاش تىپتىكى ئۆزگىرىشنى شەرت قىلىدۇ، دەپ ھېسابلاپ، پارتىيىنىڭ رولىنى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ۋە پرولېتارىياتنى تەشكىللەش بىلەنلا چەكلەپ قويۇپ، بۇرژۇئازىيىگە قارشى ئىنقىلابىي كۈرەشنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويغان. پارتىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىشچىلار سىنىپىغا رەھبەرلىك قىلىپ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەلەپ كۈرەشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى تەسىرى كۈنسايىن ئۆسكەن. رەھبەرلىكنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بۇرژۇئا لېبىرالىستلىرى ئاغمىچىلىق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن،1899-يىلى ۋاقتىنچە تارقىتىۋېتىلگەن. 1910-يىلى 1-ئايدا قايتىدىن رومىنىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بولۇپ قۇرۇلغان.

رومىنىيە ئىشچىلىرىنىڭ ئۆكتەبر ئومۇمىي ئىش تاشلىشى

  • رومىنىيە ئىشچىلىرىنىڭ ئۆكتەبر ئومۇمىي ئىش تاشلىشى[يەشمىسى:] رومىنىيىدىكى ئىشچىلار، خىزمەتچىلەر ۋە زىيالىيلارنىڭ ئاۋېرېسكۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسىتىگە قارشى كۈرىشى. 1920-يىلى 3 — 10-ئايلاردا مەملىكەت بويىچە 345 قېتىم ئىش تاشلاش ئېلىپ بېرىلغان. 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، كەڭ ئىشچىلارنىڭ تەلىپى ئارقىسىدا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى باش كومىتېتى ھۆكۈمەتكە مېموراندۇم سۇنۇپ، خەلقنىڭ ئۇيۇشۇش ھوقۇقىغا ھۈرمەت قىلىشنى، ئىشچىلار ۋەكىللىرى ۋە ئىشچىلار كومىتېتىنى ئېتىراپ قىلىشنى، زاۋۇتلاردىن قوشۇنلارنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى، ئىش تاشلاشقا قارشى قانۇننى يولغا قويۇشنى توختىتىشنى، ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش ۋە كىتاب-ژۇرناللارنى تەكشۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى، 8 سائەتلىك ئىش تۈزۈمىگە رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن تەلەپ ھۆكۈمەتنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. 20-ئۆكتەبردە ئومۇمىي ئىش تاشلاش پارتلاپ، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى قاتنىشىپ، سانائەت، نەقىليات، پوچتا-تېلگېراف ئىشلىرىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىقتىسادىي تۇرمۇش بىرمەھەل توختاپ قالغان. 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى قانۇنغا مۇناسىپ تاكتىكا قوللىنىشى لازىم دەپ كۈرەشكە كۈچ چىقارمىغانلىقتىن، ئىش تاشلاش ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باستۇرۇۋېتىلگەن.

رومىنىيىنىڭ 1848-يىلدىكى ئىنقىلابى

  • رومىنىيىنىڭ 1848-يىلدىكى ئىنقىلابى[يەشمىسى:] رومىنىيىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىك، بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە فېئوداللىق زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش يولىدا ئېلىپ بارغان بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى. 1848-يىلى، ترانسىلۋانىيىگە قېچىپ كەتكەن مولدوۋا ئىنقىلابچىلىرى پارىژ، ۋېنا، بوداپېشت قاتارلىق جايلاردىكى ئىنقىلابنىڭ تەسىرى ئاستىدا، «بىزنىڭ ۋەتەننى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشتىكى پرىنسىپىمىز» دېگەن ئىنقىلابىي پروگراممىنى تەييارلاپ، فېئوداللىق مەجبۇرىيەتلەرنى بىكار قىلىش، يەرلەرنى دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىش، تەبىقە ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلىش، مولدوۋا بىلەن ۋالاخىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، بۇخارېستتا ئىنقىلاب پارتلىغان. 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، كىنەز گېئورگىي بىبېسكۇ(Gheorhe Bibescu) ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئەتىسى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، بۇرژۇئا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا تۇتۇش قىلىنىپ، مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسى قۇرۇش قارار قىلىنغان ھەمدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىش سۇيىقەستى تارمار قىلىنغان. 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۈركىيە ئارمىيىسى گېئورگېئۇ (Giurgiu) ئارقىلىق دوناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئىنقىلابقا قوراللىق ئارىلاشقان. 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا مۇرەسسەچىلەر تەپتىش ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان. 9-ئاينىڭ باشلىرىدا نىكولاي بېلىسېسكۇ قاتارلىق ئىنقىلابىي رەھبەرلەر قولغا ئېلىنغان. تۈركىيە ئارمىيىسى بۇخارېستقا كىرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 6-ئايدىلا پرۇت دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتكەن روسىيە ئارمىيىسى يەنە مىركوۋ دەرياسىدىن ئۆتۈپ مونتېنىيىگە يېتىپ بارغان. ئىككىنچى يىلى 5-ئايدا تۈركىيە بىلەن روسىيە «بالتا-لىمان كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، مولدوۋا ۋە ۋالاخىيە كىنەزىنى ئايرىم-ئايرىم تەيىنلىگەن. شۇ يىلى 8-ئايدا تەسلىم بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار سىرىيە (Siria) دە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان، ئىنقىلاب ئاخىرى مەغلۇپ بولغان.

رونكاگلىيە قارارى

  • رونكاگلىيە قارارى[يەشمىسى:] مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى فرېدرىخ Ⅰ (قىزىل ساقال) 1158-يىلى رونكاگالىيە (Roncaglia، شىمالىي ئىتالىيىگە جايلاشقان) دە چاقىرغان يىغىندا ماقۇللانغان قارار. بۇ يىغىنغا گېرمان، ئىتالىيە فېئوداللىرى ۋە شىمالىي ئىتالىيىدىكى شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. بۇ قارار مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورىغا ئىتالىيىدە يەرلەرنى بۆلۈپ ئىنئام قىلىش، پۇل قۇيدۇرۇش، ئەدلىيە-سوت قىلىش ۋە شەھەر ئەمەلدارلىرىنى تەيىنلەش ھوقۇقىنى بەرگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي، شىمالىي ئىتالىيىدىكى شەھەرلەر لومباردىيە ئىتتىپاقىغا ئۇيۇشۇپ، ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا يېڭىباشتىن ئېرىشىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان.

روندستېد

  • روندستېد[يەشمىسى:]Gerd von Rundstedt، 1875 — 1953) فاشىست گېرمانىيىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى. كەسپىي ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1932-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى بولغان. 1938-يىلى ناتسىستلار قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىن سىقىپ چىقىرىلغان. 1939-يىلى پولشىغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسىدا قايتىدىن ئىشلىتىلىپ، ئارمىيە قوماندانى بولغان. 1940-يىلى 5-ئايدا فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلغاندا، غەربىي سەپ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن، 7-ئايدا مارشال ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1941-يىلى 6-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندا، جەنۇبىي يۆنىلىش ئارمىيىلىرى گۇرۇھىغا قوماندانلىق قىلىشقا مەسئۇل بولغان. 12-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قىلىنغان «چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇش» بەربات بولغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 1942-يىلى 3-ئايدا قايتىدىن غەربىي سەپ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئىككى قېتىم قىسقا ۋاقىت ئۈزۈلۈپ قالغاندىن باشقا تاكى 1945-يىلى 3-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانغا قەدەر مۇشۇ ۋەزىپىنى داۋاملاشتۇرغان. 1945-يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تۆت يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

روئون

  • روئون[يەشمىسى:]Albre cht Graf von Roon، 1803 — 1879) پرۇسسىيە ھەربىي ئالىمى. مارشال. 1836-يىلدىن باشلاپ باش شتاب ئورگىنىدا خىزمەت قىلغان. 1844 — 1848-يىللىرى پرۇسسىيە ۋەلىئەھدى-نىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1849-يىلى كورپۇس ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان، بادېن قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1859 — 1873-يىللىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان، بۇ مەزگىلدە 1861 — 1871-يىللىرى دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرلىكىنى قوشۇمچە ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ۋەزىر بولغان مەزگىلدە ئاۋسترىيە ۋە فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ھازىرلىق قىلىش ئۈچۈن، ھەربىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ھەربىي تەييارلىقلارنى كېڭەيتىپ، پارلامېنتتا «ئاساسىي قانۇن ماجىراسى» نى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1862-يىلى پرۇسسىيە پادىشاھى ۋىليام Ⅰ ئۇ نىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بىسماركنى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەن. گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدىكى ئۈچ قېتىملىق سۇلالىلەر ئۇرۇشىنى پائال پىلانلىغان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان. 1871-يىلى گرافلىق مەرتىۋىسى بېرىلگەن. 1873-يىلى بىسماركنىڭ ئورنىغا پرۇسسىيىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان، كۆپ ئۆتمەي خىزمىتىدىن چېكىنگەن.

روۋلات قانۇنى

  • روۋلات قانۇنى[يەشمىسى:] 1919-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ئېلان قىلغان ھىندىستاندىكى مىللىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇش توغرىسىدىكى پەرمان. ئەنگلىيە سودىيىسى روۋلات (S. A. Rowlat) باشچىلى- قىدىكى كومىسسىيە تۈزۈپ چىققانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇرۇش ۋاقتىدىكى پەرمانى كۈچتىن قالغاندىن كېيىن ئالاھىدە باستۇرۇش ھوقۇق-كۈچىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان. قانۇن باش ۋالىيغا پەۋقۇلئاددە تولۇق ھوقۇق بېرىپ، گۇمانلىق بولغان كىشىلەرنى قولغا ئېلىشقا، ئاختۇرۇشقا، سوت قىلماي قاماشقا بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ ئۆزىنى ئاقلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان. قانۇن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن پۈتۈن ھىندىستان خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، ئىش تاشلاش، بازار تاشلاش، ئېتىراز بىلدۈرۈش يىغىلىشلىرى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان.

روي-سې

  • روي-سې[يەشمىسى:]Josiah Royce، 1855 — 1916) ئامېرىكىلىق ئىدېئالىست پەيلاسوپ. نېۋادا شتاتىدا تۇغۇلغان. 1875-يىلى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئىككىنچى يىلى لېيپسىگ ۋە گوتتىنگېنگە بېرىپ ئوقۇغان. 1877 — 1878-يىللىرى يەنە خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ بىلىم ئاشۇرغان. 1878 — 1882-يىللىرى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان، 1882 — 1885-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1892-يىلدىن باشلاپ پەلسەپە تارىخى پروفېسسورى بولغان. ئۇنىڭ نۇقتىئىنەزەرى ئەنگلىيە پەيلاسوپى گرىمنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، ئۇ يېڭى كانتچىلىق ۋە يېڭى گېگېلچىلىقنىڭ ۋەكىلى. ئۇ «مۇتلەقلىق» — چەكلىكلىك بىلەن چەكسىزلىكنىڭ بىرلىكى؛ مەڭگۈلۈك بىر پۈتۈنلۈك؛ ئۇ ئەقلىيلىققا ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىرادىگىمۇ ئىگە. رېئال دۇنيا — «مۇتلەقلىق» نىڭ گەۋدىلەندۈرۈلۈشى. ئادەم «مۇتلەقلىق» كە تايىنىپ ياشايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ مۇستەقىللىكىمۇ بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ھازىرقى زامان پەلسەپىسىنىڭ روھى»، «دۇنيا ۋە شەخس» قاتارلىقلار بار.

رۇەن جەمەتى سۇلالىسى

  • رۇەن جەمەتى سۇلالىسى[يەشمىسى:] قىسقىچە رۇەن سۇلالىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ۋيېتنامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى فېئودال سۇلالىسى. ئۇ 1802-يىلى رۇەن فويىڭ شىشەن قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن قۇرۇلغان بولۇپ، دۆلەت نامىنى ۋيېتنامغا ئۆزگەرتكەن. فۇچۈن (ھازىرقى شۈنخۇا) نى پايتەخت قىلغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللىرىدە داۋاملىق تۈردە جەنۇبنى پىلە قۇرتىدەك يەپ، كامبودژا زېمىنىنى يۇتۇۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە فرانسىيىگە دۆلەت زېمىنىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە سېتىپ، ۋيېتنامنىڭ مۇنقەرز بولۇپ 80 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ باۋدا (1913-) يەنە ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قورچىقى بولغان. 1945-يىلى ۋيېتنام ئاۋغۇست ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇلغان. 1948 — 1955-يىللىرى جەنۇبىي ۋيېتنامدا بىر مەھەل تىرىلگەن.

رۇەن جىن

  • رۇەن جىن[يەشمىسى:]؟ — 1545) ۋيېتنامنىڭ جەنۇب-شىمال سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى جەنۇبىي سۇلالىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوللىغۇچىسى. كېيىنكى لى سۇلالىسى ۋەزىرى رۇەن خۇڭيۇنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، يەنە بىر ئىسمى رۇەن خۇڭجىن، ئەسلىدە ئۇ لى سۇلالىسى ئوڭ قول ئوردا مۇھاپىزەت قىسىملىرىنىڭ سابىق سەركەردىسى، ئەنچىڭ بېگى بولۇپ، 1527-يىلى مودىڭيۇڭ لى سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىپ ئۆزى پادىشاھ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ ئەيلاۋغا كەتكەن. 1533-يىلى لوجۇاڭزۇڭ (لىنىڭ) نىڭ جەنۇبىي سۇلالىنى قۇرۇشىنى قوللاپ، ئۇنىڭغا دۆلەتنى گۈللەندۈرگۈچى ئۇستاز بەگلىك ئۇنۋانى بېرىلگەن. كېيىنچە چىڭخۇا، يىئەن ئەتراپلىرىنى تىزگىنلەپ كەلگەن. 1545-يىلى مو جەمەتىگە تەسلىم بولغان سەردار تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا جياۋزو (دۆلەت پېشۋاسى) دەپ نام بېرىلگەن.

رۇەن خۇاڭ

  • رۇەن خۇاڭ[يەشمىسى:]1524 — 1613) ۋيېتنامنىڭ جەنۇب-شىمال سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى جەنۇبىي سۇلالىنىڭ ۋەزىرى رۇەنجىننىڭ ئىككىنچى ئوغلى. مو جەمەتى قوشۇنلىرىنى جازالاشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئايماق بېگى قىلىپ تەيىنلەنگەن. جىڭ جيەن قېيىن ئاتىسى روۋەن جىننىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن، رۇەن جەمەتىنى چەتكە قاققان. 1558-يىلى، رۇەن خۇاڭ، جېڭ جەمەتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن يىراق چەت جاي شۇنخۇانى باشقۇرۇشقا بارغان. 1570-يىلى گۇاڭنەننى قوشۇۋېلىپ ئۈزلۈكسىز تۈردە تەسىر كۈچىنى كېڭەيتكەن. ئەمما جىڭ جەن كونتروللۇقىدىكى جەنۇبىي سۇلالە بىلەن بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، لى سۇلالىسىنىڭ دۆلەت نامىنى قوللانغان. جىڭ، سۇڭ جەنۇبىي ۋە شىمال سۇلالىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ دەسلەپ شىمالدا سەككىز يىلدەك تۇرغان. 1600-يىلى شۇەنخۇاغا قېچىپ كېلىپ جىڭ جەمەتى بىلەن قارشىلىشىپ، جەنۇبتا رۇەن جەمەتى فېئوداللىق تەپرىقە ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشقا تەييارلانغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، «پادىشاھ تەيزۇجيايۈ» دەپ نام بېرىلگەن.

رۇەن فۇيىڭ

  • رۇەن فۇيىڭ[يەشمىسى:]1762 — 1819) يەنە بىر ئىسمى رۇەن يىڭ، نۇەن، جۇڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋيېتنام رۇەن سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى (1802 — 1819). ئۆلگەندىن كېيىن بېرىلگەن نامى شىزو. گۇاڭنەن فېئودال تەپرىقىچى ھاكىمىيىتى رۇەن جەمەتى (كونا رۇەن) نىڭ ئەۋلادى. 1778-يىلدىن باشلاپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سىيام (ھازىرقى تايلاند) ۋە فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىشەن دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. شىشەن سۇلالىسىنى يوقاتقان. 1802-يىلى جەنۇب بىلەن شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پادىشاھلىق تەختكە چىققان، يىل نامىنى جيالۇڭ دەپ ئاتىغان، شۇڭا جيالۇڭ پادىشاھ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ دۆلەت نامىنى ۋيېتنام دەپ ئاتاپ، فۇچۈننى (ھازىرقى شۈنخۇا) پايتەخت قىلغان. ئۇ تەختتە تۇرغان مەزگىللىرىدە، يېڭى خاندانلىق ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مەمۇرىي ئورگان ۋە ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەرگە بولغان چوڭ مۈلۈكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ماددىي نەرسىلەر بىلەن تۆلىنىدىغان يەر ئىجارىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، خەلقنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ۋە ئېزىشنى كۈچەيتكەن. سىرتقا نىسبەتەن فرانسىيىگە تىز پۈكۈپ، ۋيېتنامنىڭ پەيدىنپەي مۇنقەرز بولۇپ فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان.

رۇەن ۋېنخۇي

  • رۇەن ۋېنخۇي[يەشمىسى:]؟ — 1792) يەنە بىر ئىسمى رۇەن خۇي، ۋيېتنام شىشەن دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ داھىيلىرىنىڭ بىرى. شىشەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى(1788 — 1792). 1771-يىلى ئۇ ئاكىسى رۇەن ۋېن-يۆ، ئىنىسى رۇەن ۋېنلۇي بىلەن بىرلىكتە شىشەن قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ جەنۇبىي رۇەن، شىمالىي جىڭ فېئودال تەپرىقىچى گۇرۇھلىرى ۋە چەت ئەل مۇداخىلىچى قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىش، لى سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇشتىكى ھەربىي پائالىيەتلەردە زور رول ئوينىغان. 1778-يىلى رۈەن ۋېنيۆ تەرىپىدىن ئەجدىھا باشلىق سەركەردە دەپ نام بېرىلگەن. 1787-يىلى شىمالىي ئاسايىش بەگ ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. كېيىن رۇەن ۋېنيۆ بىلەن بولغان ئىچكى توقۇنۇشتا، 1788-يىلى ئۆزىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، يىلنامىسىنى گۇاڭجۇڭ دەپ بەلگىلىگەن، شۇ سەۋەبتىن رۇەن گۇاڭجۇڭ ياكى گۇاڭجۇڭ پادىشاھ دەپ ئاتالغان. ئۇ جۇڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسىدىن ئۆزىنى ئاننام پادىشاھى قىلىپ تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەسلەپكى چاغلاردا دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان بىر قىسىم سىياسىي، ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى قوللانغان، كېيىن ئۆزگىرىپ، يېڭى فېئودال ھۆكۈمرانغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى گۇاڭزەن تەختكە ۋارىسلىق قىلغان.

رۇەن يۇ

  • رۇەن يۇ[يەشمىسى:]1380 — 1442) ۋېيتنامنىڭ كېيىنكى لى سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئەدىب ۋە سىياسىئون. تەخەللۇسى يى زەي، شىڭلۇڭ (ھازىرقى خانۇي) لۇق. دايۈدە ئەمەل تۇتقان. كېيىن لەنشيەن قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. لى لىنىڭ جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەملىشىپ، كېيىنكى لى سۇلالىسىنى قۇرغان. لى سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇلۇغ بەگ بولۇپ، مۈلكىي ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا قويۇلغان. لېكىن كېيىنكى چاغلاردا ھوقۇقپەرەس ۋەزىرلەرنىڭ ھەسەتخورلۇقى ۋە زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈنشەن تېغىغا (ھازىرقى خەيشىڭنىڭ جىلىڭ دېگەن يېرىدە) بېرىپ تەركىيدۇنيا بولۇپ ياشىغان. 1442-يىلى ئۆزىنىڭ دېدىكى رۇەن شىلۇ ئارقىلىق لى تەيزۇڭنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىگەن دېگەن سۆز-چۆچەك بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ھەمدە بۇنىڭغا ئۈچ جەمەت پۇشتىمۇ چېتىلغان. ئۇنىڭ يازغان شېئىرلىرى كۆپ خىل بولۇپ ئەلگە تونۇلغان. ئۇنىڭ «يېزەي مىراسلىرى توپلىمى» ناملىق ئەسەرلەر توپلىمى بار. مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن: «پىڭۋۇدا خاۋ»، «ئائىلە تەنبىيە ناخشىسى»، «ئەل-يۇرت تەزكىرىسى» قاتارلىقلار بار بولۇپ، ۋيېتنام مىللىي ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

رۇت-تاكاھىرا كېلىشىمى

  • رۇت-تاكاھىرا كېلىشىمى[يەشمىسى:] 1908-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رۇت (Elihu Root، 1845 — 1937) بىلەن ياپونىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تاكاھىرا كوگورو (1854 — 1926) ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ ئالماشتۇرۇلغان ھۈججىتى. ئىككى تەرەپ تېچ ئوكياندىكى سودا-سېتىقنىڭ ئەركىن بولۇشىنى ۋە تىنچ راۋاجلىنىشىنى تەكىتلىگەن، جۇڭگونىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى ساقلاشنى ۋە يىراق شەرقتىكى ئىككى دۆلەت تىزگىنلەپ تۇرغان زېمىنلارغا ئۆزئارا ھۈرمەت قىلىشنى تەكىتلىگەن. كېلىشىمنىڭ ماھىيىتى، ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندىكى ئورنىنى، ئامېرىكا ياپونىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئىمتىيازىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يىراق شەرقتىكى زىددىيىتى ۋاقتىنچە پەسەيگەن.

رۇتېنبېرگ

  • رۇتېنبېرگ[يەشمىسى:]Charles Emil Ruthenberg، 1882 — 1927). ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلاردىن ۋە رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئوخىئو شتاتىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدىلا ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1909-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، سول قانات ئاز سانلىقلارغا قوشۇلغان. 1912-يىلى «كلېۋېلاند سوتسىيالىستلار گېزىتى» نىڭ تەھرىرى بولغان.1913 — 1919-يىللاردا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى كلېۋېلاند پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنىڭ ماھىيىتىنى پاش قىلىپ، سوۋېت روسىيىسىگە مۇداخىلە قىلىشقا قارشى تۇرغان. 1919-يىلى 9-ئايدا سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭ ئىجرائىيە سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. 1920-يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ھەيئەتلىكىگە سايلانغان. شۇ يىلى قولغا ئېلىنغان. 1921-يىلى ئامېرىكا كوممۇنىزمچى ئەمگەكچىلەر پارتىيىسى بىلەن ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسى قوشۇلغاندىن كېيىن، تۈرمىدە تۇرۇپ ئامېرىكا بىرلەشكەن كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىجرائىيە سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. 1925-يىلى نامىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى ئامېرىكا ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. 1926- يىلى يەنە قولغا ئېلىنغان، كېيىن تۈرمىدە ئۆلگەن. موسكۋادىكى قىزىل مەيدانغا دەپنە قىلىنغان.

رۇداكى

  • رۇداكى[يەشمىسى:]Abu Abdullah Jafar ibn Mohammed Rudaqi، 858—941). پارىس شائىرى. سەمەرقەندنىڭ يېنىدىكى رۇداك (Rudaq) كەنتىدە تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق نام ئالغان. بالىلىقىدىلا ناھايىتى ئۆتكۈر بولۇپ، سەككىز يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. ئاتاقلىق ئۇستازلاردىن سەنئەت ئۆگىنىپ، ئەينى زاماندا داڭقى چىققان ناخشىچى ۋە سازەندىگە ئايلانغان. كېيىن سامانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانى ناسىر Ⅱ (NasrⅡ، 914 — 943-يىللاردا تەختتە تۇرغان) نىڭ ئەمرى بىلەن بۇخاراغا كېلىپ، ئوردا شائىرى بولغان. تەخمىنەن 937-يىلى نەزەردىن چۈشۈپ ئوردىدىن قوغلانغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكۈزۈپ، يۇرتىدا ئۆلگەن. ئۇ ئەسەرلىرىنى پارىسچە يازغان، ئۆمرىدە ناھايىتى نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان بولسىمۇ، ھازىر پەقەت مىڭ كۇپلېتتىن ئارتۇق ئىككى مىسرالىق شېئىرلىرىلا ساقلىنىپ قالغان ھەمدە مەسەل-چۆچەكلەر توپلىمى «كەلىلە-دەمىنە» نى ئەرەب تىلىدىن پارىسچە داستان قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەرجىمە قىلغان.

رۇدولفⅠ

  • رۇدولفⅠ[يەشمىسى:]ⅠRudolf، 1218 — 1291)، گېرمانىيىنىڭ كورۇلى. مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1273 — 1291)، خابىسبۇرگ سۇلالىسىنى قۇرغۇچى. ئەسلىدە خابىسبۇرگنىڭ گرافى بولۇپ، خوجىلىق يېرى شۋېتسارىيە ۋە ئېلزاسقا تارقالغان. 1273-يىلى ئىمپېراتورلۇققا سايلىنىپ، تەخت بوش تۇرۇش دەۋرى ئاياغلاشقان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە چېخىيە كورۇل-ى ئوتتوكار Ⅱ (پرېمىسىلⅡ) نى مەغلۇپ قىلىپ، ئاۋسترىيە، ستىرىيە (Styria)، كارنىتىيە (Carnithia) ۋە كارنولا (Carniola) قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالغان. 1285-يىلى شىمالىي گېرمانىيىدە دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ، ئۇنىڭ رەھبىرى ئۆزىنى فرېدرىخ (گېرمانچە Frieden — مەنىسى «تىنچلىق» تىن كېلىپ چىققان) دەپ ئاتىغان، بۇ قوزغىلاڭ رۇدولف تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.

رۇدولفⅡ

  • رۇدولفⅡ[يەشمىسى:]RudolfⅡ، 1552 — 1612) گېرمانىيە كورۇلى، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1576 — 1612). ئىسپانىيە كورۇلىنىڭ ئوردىسىدا تەربىيىلەنگەن. تەختكە چىققاندىن كېيىن كاتولىك دىنىنىڭ بەگلەرنى قوللاپ، پروتېستانت دىنىدىكى بەگلەرگە قارشى تۇرۇپ، گېرمانىيىدىكى كاتولىك دىنى بىلەن پروتېستانت دىنىدىكى بەگلەرنىڭ قارىمۇ قارشىلىقىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن. يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا، 1608-يىلى ئىمپېرىيە تەۋەسىدىكى يۇقىرى، تۆۋەن ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە ۋە مولاۋىيىلەرنى ئۇكىسى ماتتاسقا ئۆتۈنۈپ بەرگەن؛ 1611-يىلى يەنە چېخىيىنىمۇ ماتتاسنىڭ خوجىلىق يېرى قىلىپ بەرگەن.

رۇدىنى

  • رۇدىنى[يەشمىسى:]Antoni Starabba Rudinio، 1839 — 1908)، ئىتالىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1891 — 1892، 1896 — 1898) پالېرمودىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا دىپلوماتىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1865-يىلى پالېرمو شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان ھەمدە پالېرمو ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1868-يىلى نېئاپول ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1869-يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1886-يىلى مىڭخېتتى ئۆلگەندىن كېيىن ئوڭچىلارنىڭ يولباشچىسى بولۇپ قالغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، سىرتقا قارىتا فرانسىيىگە مايىل لۇشيەننى يۈرگۈزۈپ، فرانسىيە بىلەن شەرتنامە تۈزۈپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا بېجى كۈرىشىنى ئاخىرلاشتۇرغان؛ ئىچكى جەھەتتە يۇقىرى بېسىم سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، مىلان قاتارلىق جايلاردىكى قوزغىلاڭلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرغان.

رۇزۋېلت

  • رۇزۋېلت[يەشمىسى:]1)تېئودور رۇزۋېلت (Theodori Roosevelt، 1858 — 1919) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1901 — 1909). جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن. 1880-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. نيۇ-يورك شتاتىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان ھەمدە نيۇ-يورك شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1897-يىلى ياردەمچى دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرى بولغاندا، كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى تەرغىپ قىلغان. ئىككىنچى يىلى ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندا ۋوئود (Leonard Wood) بىلەن پىدائىي ئاتلىق ئەسكەرلەر پولكىنى قۇرۇپ، ئۆزى 1-پولكنىڭ پولك كوماندىرى بولغان. سانتىياگو ئەتراپىدىكى سان خۇئان تېغىدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە غەلىبە قىلغان. يىل ئاخىرىدا نيۇ-يورك شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1900-يىلى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1901-يىلى 9-ئايدا ماك كىنلى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1904-يىلى ئۇدا زۇڭتۇڭ بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە «ترېستقا قارشى جەڭ» نى قانات يايدۇرۇپ، سىرتقا تاجاۋۇز قىلىپ كېڭىيىپ، «توقماق سىياسىتى» نى يولغا قويغان؛ پاناما قانىلىنى قېزىش ئىمتىيازىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1912-يىلى مىللىي تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسىنى تەشكىللەپ سايلام رىقابىتىگە قاتناشقان، لېكىن مەغلۇپ بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئانتانتا دۆلەتلىرىنى قوللىغان. «رۇزۋېلت ئەسەرلىرى توپلىمى»، «زۇڭتۇڭنىڭ نۇتۇق ۋە خەت-ئالاقىلىرى»، «تەرجىمىھال» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) فرانكلىن دېلانو رۇزۋېلت (Franklin Delano Roosevelt، 1882 — 1945) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1933 — 1945) دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. 1904-يىلى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، كېيىن ئادۋوكاتلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، 1905-يىلى تېئودور رۇزۋېلتنىڭ جىيەن قىزى ئېلىنو بىلەن توي قىلغان. 1910-يىلى نيۇ-يورك شتات پارلامېنتىغا تاللىنىپ كىرگەن. 1913 — 1920-يىللىرى ياردەمچى دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. 1921-يىلى بالىلار پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، توكۇر بولۇپ قالغان، لېكىن سىياسىي پائالىيەت بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان. 1928 — 1932-يىللىرى نيۇ-يورك شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1933-يىلى زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي كرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دەرھال «يېڭى سىياسەت» نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، «ئىجارىگە ئېلىش قانۇنى» تۈزۈپ، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ گېرمانىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرىغا قارشى تۇرۇشىنى قوللىغان. سوۋېت ئىتتىپاقى-گېرمانىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، «ئىجارىگە ئېلىش قانۇنى» نىڭ دائىرىسىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغىچە كېڭەيتكەن. 1941-يىل 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچىلل بىلەن بىرلىكتە «ئاتلانتىك ئوكيان نىزامى» نى ئېلان قىلىپ، فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىگەن. 1941-يىلى 12-ئايدا ياپونىيە پيورل-خاربور پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشقا رەسمىي قاتناشقانلىقىنى جاكارلىغان. 1944-يىلى ئۇدا تۆتىنچى قېتىم زۇڭتۇڭ بولغان، 1945-يىل 4-ئاينىڭ 12-كۈنى خىزمەت ئۈستىدە مېڭىسىگە قان چۈشۈش كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان. «ئالغا قاراش»، «بىزنىڭ يولىمىز توغرىسىدا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

رۇزىسكا

  • رۇزىسكا[يەشمىسى:]Leopold Ruzicka، 1887 — 1976) شۋېتسارىيىلىك خىمىك. يۇگوسلاۋىيە كرودى-يە رايونىنىڭ ۋۇكوۋار (Vukovar) شەھىرىدە تۇغۇلغان. گېرمانىيە بىلەن شۋېتسارىيىدە ئالىي بىلىم ئالغان. 1926-يىلى گوللاندىيىدە ئۇترېچت داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1929-يىلىدىن باشلاپ ئۇزاق مۇددەت سيۇرېخ داشۆسى ۋە سيۇرېخ ئىتتىپاق سانائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي تۆھپىسى 8 — 34 كاربون ئاتوم ھالقىلىق ئىپار قاتارلىق ماددىلارنى سۈنئىي ئۇسۇلدا بىرىكتۈرگەن؛ ئەركەكلىك ھورمونىنى تەھلىل قىلىشتا باشلامچى بولۇپ، تېستوستېروننى ئەڭ ئاۋۋال بىرىكتۈرۈپ چىققان. 1939-يىلى گېرمانىيىلىك بۇتېناندت (Adolf Friedrich Johann Butenandt، 1903 — ، ناتسىستلار مۇكاپاتنى قوبۇل قىلماسلىقنى بۇيرۇغان) بىلەن بىللە نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

رۇسسو

  • رۇسسو[يەشمىسى:]Jean Jacques Rousseau، 1712 — 1778) فرانسىيىلىك پەيلاسوپ، يازغۇچى، پېداگوگ، مەرىپەتپەرۋەر مۇتەپەككۇر. جەنۋەدە سائەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. شاگىرت ئىشچى، چاكار، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى، كاتىپ، نوتا كۆچۈرگۈچى بولغان. شۇ چاغدىكى ئاتاقلىق پەيلاسوپلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى مەمۇرىي دائىرىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقتىن، چەت ئەللەردە كۆپ يىللار مۇساپىرچىلىقتا ياشىغان. كېيىن پارىژدا ۋاپات بولغان. پەلسەپە جەھەتتە تەبىئەت ئىلاھچىلىقى كۆزقارىشىدا بولۇپ، خۇدانىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن، روھنى ماددىسىز نەرسە ۋە ئۇ يوقالمايدۇ، دەپ قارىغان. ئىجتىمائىي-سىياسىي كۆزقارىشى ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭ مەركىزىي قىسمى بولۇپ، ئۇ تەبىئىي ھالەتتە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك بولمايدۇ، شۇنىڭدەك دۆلەت ھوقۇقىمۇ بولمايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە دۆلەت كېلىپ چىققان؛ دۆلەت — بايلار بىلەن كۈچلۈكلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرىسىنىڭ مەھسۇلى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە باي-نامراتلىققا بۆلۈنۈشتىن ئىبارەت قارىمۇ قارشىلىق كېلىپ چىققان دەپ ھېسابلىغان. ئىجتىمائىي توختامنى ئاساس قىلغان دېموكراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرۇشنى، ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا ئەركىن-باراۋەر بولغان پۈتكۈل خەلققە مەنسۇپ بولۇشى لازىملىقىنى، ھۆكۈمرانلار ئەگەر ئىجتىمائىي توختامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن، خەلقنىڭ ئۇلارنى ئاغدۇرۇۋېتىش ھوقۇقى بولۇشى لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلغان. دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتتە نامراتلىق بىلەن بايلىق ئوتتۇرىسىدىكى پەرق قايتا مەۋجۇت بولمايدۇ، لېكىن كىچىك خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ساقلىنىپ قالىدۇ، ھەممە ئادەم پەقەت ئاساسىي ئىھتىياجىنى قامدىيالايدىغان مال-مۈلۈككە ئىگە بولىدۇ، دەپ قارىغان، ئۇنىڭ سىياسىي ئىدىيىسى ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى فرانسىيە چوڭ ئىنقىلابىغا نىسبەتەن زور تەسىر كۆرسەتكەن. مائارىپ كۆزقارىشى جەھەتتە، ئۇ تەبىئىي تەربىيىنى تەكىتلەپ، ئۆسمۈرلەرنىڭ تۇغما قابىلىيىتىنى ئەركىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ۋە مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتنىڭ چىرىك تەسىرىدىن ساقلىنىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەدەبىيات ساھەسىدە، ھەم رېئالىزم ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى راۋاجلاندۇرغان، ھەم رومانتىزم لىرىكىلىق ئەدەبىياتنىڭ ئۇستازى بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئىلىم ۋە سەنئەت توغرىسىدا»، «ئىنسانلار ئارىسىدىكى تەڭسىزلىكنىڭ مەنبەسى ۋە ئاساسى»، «يېڭى ئېيلوئىز»، «ئېمىل»، «ئىجتىمائىي توختام توغرىسىدا»، «پۇشايمان» قاتارلىقلار بار.

رۇسسېل

  • رۇسسېل[يەشمىسى:]Bertrand Russell، 1872 — 1970) ئەنگلىيىلىك لوگىكىشۇناس. ئىدېئالىست پەيلاسوپ. 1894-يىلى كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتت-ۈرگەن. 1910 — 1913-يىللىرى ئۆزىنىڭ ئۇستازى ۋىتېخېئاد بىلەن بىرلىكتە «ماتېماتىكا قائىدىلىرى» (ئۈچ توم) ناملىق ئەسەرنى يېزىپ، لوگىكىلىق ماتېماتىكا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، پۈتۈن ماتېماتىكىنى لوگىكىغا خۇلاسىلىگەن. پەلسەپە جەھەتتە، دەسلەپتە يېڭى چىنلىق نەزەرىيىسى تەرەپدارى بولغان. ⅩⅩ ئەسىردە لوگىكىلىق دەلىلچىلىك تەرەپدارىغا ئايلانغان. ئىپتىدائىي پاكىتنى ئاساسىي ئامىل قىلغاندا، پۈتۈن دۇنيانى تۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ھالبۇكى، بۇنداق ئىپتىدائىي پاكىت ئەمەلىيەتتە سۇبيېكتىپ ھېسسىي تەجرىبىدىن ئىبارەت. سىياسىي جەھەتتە، تىنچلىقپەرەسلىك مەيدانىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا قارشى تۇرغان. 1920-يىلى جۇڭگوغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلىگەن، ئۇنىڭ ئىلمىي نۇقتىئىنەزەرى كونا جۇڭگودا خېلى تەسىرلەرنى قوزغىغان. 1950-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «پەلسەپە قائىدىسى»، «قەلب ئۈستىدە تەھلىل»، «نەرسە ئۈستىدە تەھلىل»، «غەرب پەلسەپە تارىخى» قاتارلىقلار بار.

رۇس قانۇنى

  • رۇس قانۇنى[يەشمىسى:]1) «رۇس ھەقىقىتى» ياكى «ياروسلاۋنىڭ ئۈچ شاھزادىسى قانۇنى»دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. Ⅺ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا كىيېۋروستا ئېلان قىلىنغان بەگ-تۆرىلەر پەرمانلىرى توپلىمى. ياروسلاۋنىڭ ئۈچ ئوغلى (1054 — 1073-يىللىرى بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن) بەگ-تۆرىلەر ھاكىمىيىتىنى قوغداش، يەرلەرنى قوشۇۋېلىش ۋە ۋارىسلىق قىلىنىدىغان فېئوداللىق يەر تۈزۈمىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن، «ياروسلاۋ قانۇنى» ئاساسىدا بىرئاز تولۇقلاش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق بۇ قانۇننى تۈزۈپ چىققان. ئالدىنقى قانۇننىڭ بەلگىلىمىسىدىكى يەر چېگرىسىنى بۇزۇۋەتكەنلەر ۋە ئات-ئۇلاقلارنى ئوغرىلىغانلارنى قاتتىق جازالاش قاتارلىق ماددىلارنى ساقلاپ قالغاندىن سىرت، يەنە فېئوداللارنىڭ خوجىلىق يېرىدىكى دېھقانلارغا قارىتا ئەدلىيە جەھەتتىن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ؛ قانداش جەمەتلەرنىڭ قىساس ئېلىش ئادەتلىرى بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «خۇن ھەققى» تۆلىتىش يولغا قويۇلىدۇ، يەنى ئادەم ئۆلتۈرگۈچىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە 40 گرىۋنا (Гривна) جەرىمانە تۆلەيدۇ، خوجىدار قاتارلىق ئېسىلزادە شەخسلەرنى ئۆلتۈرگۈچىلەر «خۇن ھەققى»نى بىر ھەسسە كۆپەيتىپ تۆلەيدۇ، فېئوداللار بىر دېھقاننى ئۆلتۈرۈۋەتسە پەقەت بەش گرىۋنا تۆلىسىلا بولىدۇ؛ دېھقانلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن مىراسخورى بولمىسا، مال-مۈلكىگە خوجايىنى ئىگىدارلىق قىلىدۇ؛ ئوت قويۇپ ئېمىنىيە ياكى خامانلارنى كۆيدۈرۈۋەتكەنلەر ئەڭ قاتتىق جازالىنىدۇ ھەمدە سۈرگۈن قىلىنىدۇ ۋە بارلىق مال-مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. (2) كىيېۋ رۇسلىرى ۋەكىللىكىدىكى روسىيە فېئودال بەگ-تۆرىلەر قانۇنى توپلىمىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئۇ ئادەت قانۇنلىرى، بەگ تۆرىلەر قائىدە-نىزامى ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامە ئۈلگىلىرىنى ئاساسىي مەنبە قىلىدۇ. «ياروسلاۋ قانۇنى» ۋە «ياۋروسلاۋنىڭ ئۈچ شاھزادىسى قانۇنى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ Ⅸ ئەسىردىن ⅩⅢ ئەسىرگىچە روسىيىنىڭ فېئوداللىق تۈزۈمى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ⅩⅤ ئەسىردە روسىيىدە ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھاكىمىيەت شەكىللەنگەن مەزگىلدە موسكۋا كىنەزلىكى «رۇس قانۇنى» نىڭ قىسقارتىلغان نۇسخىسىنى تۈزۈپ چىققان. ھازىرغىچە تارقالغان نۇسخىلىرىدىن ئاددىي نۇسخا(Ⅺ ئەسىردىكى قەدىمكى نۇسخىسى)، كېڭەيتىلگەن نۇسخا (Ⅻ ئەسىردىكى نۇسخا)ۋە قىسقارتىلغان نۇسخا (نەشىر قىلىنغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) قاتارلىق ئۈچ خىل نۇسخىسى بار.

رۇش-باگوت كېلىشىمى

  • رۇش-باگوت كېلىشىمى[يەشمىسى:] ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا 1817-يىلى تۈزۈلگەن ئامېرىكا-كانادا چېگرىسى ۋە چوڭ كۆل (ئاتلانتىك ئوكيان كۆزدە تۇتۇلىدۇ)دىكى دېڭىز ئارمىيىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېلىشىمى. ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا 1814-يىلى تۈزۈلگەن «گېنت سۈلھ شەرتنامىسى»، ئامېرىكا-كانادا چېگرىسى چوڭ كۆل دېڭىز ئارمىيىسى مەسىلىسىدىكى دە-تالاشنى يەنىلا تولۇق ھەل قىلالمىغان. شۇڭلاشقا 1817-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكىنىڭ مۇۋەققەت دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رۇش (Richard Rush) بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى باگوت (Charles Bagot) ئۇشبۇ كېلىشىمنى تۈزگەن. بۇنىڭدا ئامېرىكا بىلەن كانادا ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چوڭ كۆلدىكى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ نىسبىتى بەلگىلەنگەن؛ ئامېرىكا كانادانى قوشۇۋېلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىپ، كانادانىڭ ئەركىن-مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان؛ ئەنگلىيە كانادانى بازا قىلىپ تۇرۇپ ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىش نىيىتىدىن ۋاز كەچكەن.

رۇفۇس

  • رۇفۇس[يەشمىسى:]Quintus Curtius Rufus، مىلادى Ⅰ ئەسىر) قەدىمكى رىم تارىخچىسى. ئۇنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق. ئېيتىشلارغا قارىغاندا شىمالىي ئافرىقىدا ئەمەلدار بولغان. «بۈيۈك ئالېكساندرنىڭ ئۇرۇشلىرى» (10 توم) دېگەن ئەسىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى توملىرى يوقالغان، قالغانلىرىمۇ كەمتۈك، ماتېرىياللارنى ئاساسەن كىلېي-تار- كۇس (Cleitarchus) تىن ئالغان بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ بايانلىرىدا ۋەقەلىكلەر بار بولسىمۇ، ھەربىر قەدەمدە جۇغراپىيە، يىللار ۋە ھەربىي تاكتىكا جەھەتلەردىن ساۋاتسىزلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ. ئېيتىلىشىچە، ت. لىۋىئۇسقا تەقلىد قىلىپ يازغانىكەن.

رۇگې

  • رۇگې[يەشمىسى:]Arnold Ruge، 1802 — 1880) گېرمانىيىلىك سىياسىي ئوبزورچى. ياش گېگېلچىلارنىڭ ئەزاسى، ئۇششاق بۇرژۇئا دېموكراتچى. 1840 — 1843-يىللىرى «گېرمانىيە ئىلىم ۋە سەنئەت يىللىق مەجمۇئەسى»نىڭ مۇھەررىرى بولغان. 1844-يىلى ماركس ۋە ھېينى (H.Heine) لار بىلەن بىرلىكتە «نېمىس-فرانسۇز يىللىق مەجمۇئەسى»نى تۈزگەن. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا پىكىر ئىختىلاپى تۈپەيلىدىن ئۇلادىن ئايرىلغان. 1848-يىلى فرانكفورت مىللىي پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1849-يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ لېدرۇ-روللېن (A.AuLedru Rollen)، ماززىنى (G.Mazzini) قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرگە «ياۋروپا دېموكراتىك كومىتېتى»نى قۇرغان. 1866-يىلى گېرمانىيە مىللىي لىبېرالىستلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، بىسمارك سىياسىتىنىڭ ھىمايىچىسىگە ئايلانغان.

رۇم سۇلتانلىقى

  • رۇم سۇلتانلىقى[يەشمىسى:] سالجۇق تۈركلىرى كىچىك ئاسىيادا قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. ئەرەبلەر شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنى كىچىك ئاسىيانى رۇم (Rum «رىمنىڭ زېمىنى»دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغاچقا، شۇنداق نام ئالغان. 1071-يىلى مانىسككات جېڭىدىن كېيىن، كىچىك ئاسىيانىڭ كۆپ قىسمى سالجۇق تۈركلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1077-يىلى سالجۇق ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى ئالىپ ئارسلاننىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى سۇلايمان ئىبن قۇتلۇمىش (Sulayman ibn Kutlumish، 1077—1086-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) بۇ جايغا ئىگە بولغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا سالجۇق ئىمپېرىيىسى زاۋالغا يۈز تۇتقاندىن كېيىن، مۇستەقىل سۇلتانلىققا ئايلانغان. پايتەختى كون-يا (Konya) قەدىمكى زاماندا ئىكون (Iconium) دەپ ئاتالغاچقا، ئىكون سۇلتانلىقى دەپمۇ ئاتالغان. ياۋروپا ئەھلىسەلىپ قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. Ⅻ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا گۈللەنگەن بولۇپ، كىچىك ئاسىيانىڭ شەرق شىمالىي قىسمىدىكى دانىشمەند (Danishmendids) خاندانلىقىنى بويسۇندۇرغان، ئالاھىددىن كەيقۇباد Ⅰ( Al Ala Din Kay Qubad I) ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (1219 — 1237) ئىقتىساد-سودا گۈللىنىپ، مەدەنىيەت، سەنئەت راۋاجلىنىپ، دۆلەت قۇدرەت تاپقان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ ئىلىكخان خانلىقىغا بويسۇنغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا 10 نەچچە ئەمىرلىك دۆلەتكە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئوسمان ئەمىرلىك دۆلىتى كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە ئايلانغان.

رۇميانتسېۋ

  • رۇميانتسېۋ[يەشمىسى:]Пётр Александрович Румянчев) روسىيىنىڭ ھەربىي قوماندانى. پېتر Ⅰ نىڭ يېقىن ۋەزىرىنىڭ ئوغلى. ياش ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىللە روسىيە-شۋېتسىيە ئۇرۇشى (1741 — 1743) غا قاتناشقان. 7 يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە، روسىيە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، پرۇسسىيە بىلەن سوقۇشقان ۋە كولبېرگ (Колбъерг) نى ئالغان. 1764 — 1796-يىللاردا ئوكرائىنا گوبېرناتورى بولۇپ، يانچىلىق تۈزۈمىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويغان. روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە (1768 — 1774)، غەربىي جەنۇبىي فرونتقا قوماندانلىق قىلىپ، روسىيە ئارمىيىسىنى لارگا (Ларга) دەرياسى ۋە كارگۇل (КаргуЛ) دەرياسى ئەتراپىدا تۈركىيە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىشتەك غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ، مارشاللىق ئۇنۋانى ۋە گرافلىق نامىغا ئىگە بولغان. كېيىن يەنە 1787 — 1791- يىللاردىكى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان بولسىمۇ، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى پوتيومكىن بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغانلىقتىن، چاقىرتىپ كېتىلگەن. كېيىن ئەمەلىيەتتە ھەربىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان.

رۇنېبېرگ

  • رۇنېبېرگ[يەشمىسى:]Johan Ludvig Runeberg، 1804 — 1877)، فىنلاندىيىلىك يازغۇچى ۋە شائىر، مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى. پاراخوت كاپىتانىنىڭ ئوغلى. 1822-يىلى تۇركۇ داشۆسىگە ئوقۇشقا كىرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولغان. كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، لېكتور، گېزىت مۇھەررىرى، پروفېسسور بولغان. «شەنبە ئىلمىي جەمئىيىتى» نىڭ مۇھىم ئەزالىرىدىن بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە فىنلاندىيە خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئۇلارنىڭ زېرەكلىكى، باتۇرلۇقى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى تەسۋىرلەپ، فىنلاندىيە خەلقىنىڭ مىللىي روھى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇشقا زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئاساسىي ئەسەرلىرى «بۇغا ئوۋلىغۇچى ئادەم»، «روژدىستۋو بايرىمى ئاخشىمى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «پورۇچىك ستالنىڭ ھېكايىسى»نىڭ بېشىدىكى شېئىر «بىزنىڭ دۆلىتىمىز» كېيىن فىنلاندىيە دۆلەت شېئىرى قىلىنغان.

رېئالچىلىق

  • رېئالچىلىق[يەشمىسى:] يەنى «چىنلىق نەزەرىيىسى»، «نامچىلىق»قا قاراڭ.

رېبېك

  • رېبېك[يەشمىسى:]Janvan Riebeeck، 1619 — 1677) گوللاندىيىلىك مۇستەملىكىچى. كاپ مۇستەملىكىسىنىڭ تۇنجى قوماندانى (1652 — 1662). 1639-يىلدىن باشلاپ شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ياردەمچى تاشقى كېسەللىك دوختۇرى سالاھىيىتى بىلەن گوللاندىيە بىلەن ھىندۇنېزىيە ئارىسىدا كېمە بىلەن قاتناپ تۇرغان. 1645-يىلى ياپونىيىگە ئېدو (توكيو) سودا پونكىتى خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتىلگەن، كېيىن ئەتكەسچىلىك قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان. 1652-يىلى 4-ئايدا شىركەتنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش ئەترىتىنى باشلاپ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى نادىژىد قولتۇقىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، كاپ مۇستەملىكىسىنى بەرپا قىلىپ، قوماندان بولغان. بۇ مەزگىلدە خوتتېنتوتلار زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز ھالدا بېسىۋېلىپ، بۇرلار يېزا ئىگىلىك مەيدانى تۈزۈمىنى بەرپا قىلغان. 1665-يىلى شەرقىي ھىندىستان شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ كاتىپى بولغان. ھىندۇنېزىيىدە ئۆلگەن.

رېپىن

  • رېپىن[يەشمىسى:] Илья Ёфимович Реπин)، 1844 — 1930) روسىيىلىك رەسسام. سەييارە رەسىم كۆرگەزمىسى گۇرۇھىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى. ھەربىي كۆچمەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىنلا سەنئەتكە ھەۋەس قىلىپ، 1863-يىلى پېتربۇرگ گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ، شۇ چاغدىكى ئىنقىلابىي دېموكراتىزم ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. ئىتالىيە ۋە فرانسىيىلەرنى زىيارەت قىلىپ ئۆگىنىپ، قەدىمكى ۋە ھازىرقى ياۋروپا سەنئىتىنى تەتقىق قىلغان. تەنقىدىي رېئالىزم ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، روسىيە ئەمگەكچى خەلقىنىڭ چار پادىشاھ تۈزۈمى ئاستىدىكى پاجىئەلىك كەچۈرمىشلىرى ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەشنالىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. تۇرمۇش رەسىملىرى، تارىخىي رەسىملەر، سۈرەت ۋە مەنزىرە رەسىملىرىنى سىزغان بولۇپ، ئەسەرلىرى مول ھاياتىي كۈچكە ئىگە، پىكرى چوڭقۇر، تۈزۈلمىسى مۇكەممەل، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ⅪⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى رۇس رەسىم سەنئىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ يېڭى تارىخىي باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ۋولگا بورلاكلىرى»، «دىن سېپى»، «1851-يىل 16-نويابىردىكى قەھرلىك ئىۋان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئىۋان»، «يولغا چىقىش ئالدىدىمۇ توۋا قىلىشتىن باش تارتىش»، «كۈتۈلمىگەندە يېتىپ كېلىش» ۋە «مۇزىكانت موسورسكىنىڭ سۈرىتى» قاتارلىقلار بار.

رىتسار

  • رىتسار[يەشمىسى:]1) قەدىمكى رىم رىتسارلىرى (equites)، قەدىمكى رىم قۇلدارلار گۇرۇھىنىڭ بىر تەبىقىسى. سېرۋىئۇس تۇللىئۇس ئىسلاھاتى مەزگىلىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا) ئاتلىق ئەسكەرلەر ئەترىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان. رىمنىڭ سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىشىغا ئەگىشىپ، رىتسارلىق سالاھىيىتى تەدرىجىي ھالدا ئۆزگەرگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىن كېيىن ئۆسۈمگە قەرز بېرىش، باجنى ھۆددە قىلىش، سودىگەرچىلىكنى كەسىپ قىلغان بىر تۈركۈم بايلارنىلا كۆرسەتكەن. تولىسى ئاددىي خەلقتىن كېلىپ چىققان. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، رىتسارلار مۆتىۋەرلەر بىلەن ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلغان ھەمدە بەزى ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولغان. مىلادى Ⅰ ئەسىر (ئىمپېرىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى) دىن باشلاپ رىمدا 400 مىڭ سېستېرتىئۇس مال-مۈلۈككە ئىگە بولغانلارلا رىتسار سالاھىيىتىگە ئىگە بولالىغان، رىتسارلار ئىمپېرىيىنىڭ بيۇروكرات ئورگانلىرىدا خېلى زور كۈچنى ئىگىلىگەن. (2) ئوتتۇرا ئەسى-ر رىتسارلىرى (Knight). ئوتتۇرا ئەسىردىكى غەربىي ياۋروپا فېئوداللار سىنىپىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەبىقىسى. ئاتلىق ئەسكەر بولۇپ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش شەرتى بىلەن، پادىشاھ ياكى چوڭ فېئوداللار بەرگەن سۇيۇرغاللىق يەرگە ئىگە بولغان. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ بېشىدا، قوراللىق كۈچلەر ئەركىن دېھقانلاردىن تەشكىل قىلىنىپ، خەلق ئەسكەرلىرى دەپ ئاتىلاتتى. كېيىن فېئوداللىق مۇناسىۋىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئەركىن دېھقانلارنىڭ ۋەيران بولۇشىغا ئەگىشىپ، خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ئورنىنى رىتسارلار ئالغان. مىلادى Ⅷ ئەسىردىكى فرانك پادىشاھلىقىنىڭ ئەرەبلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى كۈرىشىدە رىتسارلار ئۆزىنىڭ كارامىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى ئادەتتە ھەر يىلى 40 كۈندىن بولۇپ، قورال، ساۋۇت ۋە ئاتنى ئۆزى تەييارلىغان. سۇيۇرغاللىق يەرگە ئۆمۈرۋايەت ئىگىدارچىلىق قىلغان، كېيىن ئەۋلادىغا مىراس قالىدىغان بولۇپ ئۆزگەرگەن. كىرىم مەنبەسى سۇيۇرغاللىق يەردىكى دېھقانلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشتىن باشقا يەنە ئۇرۇشتا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش، سودا كارۋانلىرىنى بۇلاشتىن كەلگەن.Ⅺئەسىردىن ⅩⅣ ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىت رىتسارلار تۈزۈمىنىڭ گۈللەنگەن ۋاقتى بولۇپ، ئۇلار غەيرىي بىدئەتلەر ھەرىكىتى ۋە دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش، تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىدىكى يىراققا يۈرۈش قىلىشلار (مەسىلەن: «ئەھلىسەلىپ يۈرۈشى»)غا كەڭ تۈردە قاتناشقان. رىتسارلار تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان رىتسار ئەدەبىياتىمۇ كەڭ تارقالغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئېتىش قورالى ۋە زەمبىرەكنىڭ قوللىنىلىشى تۈپەيلىدىن رىتسارلار ئاساسىي ھەربىي كۈچ بولۇشتىن قېلىپ، تەدرىجىي ھالدا ياللانما پىيادە ئەسكەرلەرگە ئورۇن بوشىتىپ بەرگەن. بىر قىسمى كۈنسايىن زاۋاللىققا يۈزلەنگەن، يەنە بىر قىسمى ئاقسۆڭەكلەر قاتارىغا كىرگەن. كېيىن «رىتسار» بېرىلىدىغان بىر خىل نام سۈپىتىدە بەزى دۆلەتلەردە ئۇزاق مۇددەت ساقلىنىپ تۇرغان.

رىتسارلار پارتىيىسى

  • رىتسارلار پارتىيىسى[يەشمىسى:] ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىدا كورۇلنى ۋە دۆلەت دىنىنى قوللىغان خانپەرەسلەر گۇرۇھى. ئۇزاق مۇددەتلىك پارلامېنت 1641-يىلى «چوڭ نارازىلىقنامە» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن شەكىللىنىشىگە باشلىغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئەمەلدارلار بولۇپ، بېشىغا يالغان چاچ كىيىپ، يېنىغا ئۇزۇن شەمشەر ئېسىپ، ئوتتۇرا ئەسىر رىتسارلىرىغا تەقلىد قىلغانلىقى ئۈچۈن، رىتسارلار پارتىيىسى دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ قارشى تەرىپى «يۇمىلاق باشلار پارتىيىسى»دۇر.

رېتسىيە

  • رېتسىيە[يەشمىسى:] يەنى «رائېتسىيە».

رېتېف

  • رېتېف[يەشمىسى:]Pieter Retief، 1780 — 1838)، بۇرلارنىڭ چوڭ كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ سەردارى. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مۇستەملىكە كاپودا، خوگىنيۇ مەزھىپىدىكى ئاتاقلىق ئائىلىدە تۇغۇلغان. دەسلەپتە دېھقانچىلىق مەيدانىنى باشقۇرغان، كېيىن سودا بىلەن شۇغۇللانغان. 1837-يىلى ئەنگلىيىنىڭ بۇرلارنى چەتكە قېقىشىغا نارازى بولۇپ، خىتابنامە ئېلان قىلىپ چوڭ كۆچۈشنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلغان ھەمدە بۇلارنى باشلاپ ئافرىقىنىڭ ئىچكى رايونلىرىغا كۆچكەن، ئورانگې دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى قوغلاپ، ۋېنبۇرگتا «يېڭى گوللاندىيە ئەركىن ئۆلكىسى» نى قۇرۇپ، ئۆزى قوماندان بولغان. 1838-يىلى يەنە 600 نەپەر بۇرنى باشلاپ شەرققە كۆچكەن، ناتارغا بارغاندا زۇلو خانى دىڭگەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

رېچۇئېسسېن

  • رېچۇئېسسېن[يەشمىسى:]Luis deRe quessens yde Zuniga، تەخمىنەن 1525 — 1576)ئىسپانىيە كورۇلى فېلىپ Ⅱ نىڭ نىدېرلاندىيىدە تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى (1573— 1576)، 1570-يىلى ئەسكەر باشلاپ بېرىپ ئىسپانىيىنىڭ ئاندالۇسىيە(Andalusia) رايونىدىكى مورىسكولارنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. باش ۋالىي بولغاندا، نىدېرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش ئۈچۈن بەزى جەھەتلەردە يول قويغان، ئالايلۇق، ئومۇمىي كەچۈرۈم ئېلان قىلغان، ئوندىن بىر باجنى بىكار قىلغان، توپىلاڭنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، شۇنداقلا نىدېرلاندىيىنىڭ شىمالىغا تاجاۋۇز قىلىشنى كۈچەيتكەن.

رېد

  • رېد[يەشمىسى:]Walter Reed، 1851 — 1902) ئامېرىكىلىق باكتېرېئولوگ. ۋىرگىنىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. 1869-يىلى ۋىرگىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1870-يىلى تىببىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1875-يىلى ھەربىي قىسىمدا ئىشلىگەن. كېيىن يوھان خوپكىنىس تىببىي ئىنستىتۇتىدا باكتېرېئولوگىيىنى تەتقىق قىلغان. 1893-يىلى ۋاشىنگتون ھەربىي تىببىي ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1895-يىلى تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تەتقىق قىلىش ئارقىلىق چىۋىننىڭ كېزىك مىكروبىنى تارقىتىدىغانلىقىنى بايقىغان. 1900-يىلى كۇبادا سېرىق تەپ كېسىلى تارقالغاندا نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، بۇ كېسەللىكنىڭ پاشا ئارقىلىق تارقالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، تېزلىك بىلەن ئۈنۈملۈك تەدبىر كۆرۈپ، كۇبادىكى سېرىق تەپ كېسەللىكىنى تىزگىنلىگەن.

رېد

  • رېد[يەشمىسى:]John Reed، 1887 — 1920) ئامېرىكىلىق مۇخبىر، سوتسىيالىست. 1910-يىل خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ژۇرنىلى «ئامما» نىڭ تەھرىرلىكىگە قاتناشقان. 1914-يىل «ئىنقىلابىي مېكسىكا» ناملىق كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ مېكسىكىغا قاراتقان مۇداخىلىسىنى سۆككەن. 1914 — 1916-يىللىرى «پايتەخت ژۇرنىلى»نىڭ ئالاھىدە مۇخبىرى سالاھىيىتى بىلەن ياۋروپادا زىيارەتتە بولغان. 1917-يىلى ھەربىي مۇخبىر سۈپىتى بىلەن روسىيىگە كېلىپ، ئۆكتەبر ئىنقىلابىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، «دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئون كۈن» ناملىق كىتابنى يازغان. ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئامېرىكا سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. «نيۇ-يورك كوممۇنىستلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى بولۇپ، پارتىيىدىكى مەشھۇر سولچىلارغا ئايلانغان. 1919-يىلى 8-ئايدا، بىر قىسىم سولچىلار بىلەن ئامېرىكا كوممۇنىزمچى ئىشچىلار پارتىيىسىنى تەشكىل قىلغان. پارتىيىنىڭ ئورگان گېزىتى — «ئىشچىلار ساداسى»نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولغان. شۇ يىلى 10-ئايدا، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىجرائىي ھەيئىتى بولۇپ سايلىنىپ، يەنە بىر نۆۋەت سوۋېت روسىيىسىدە زىيارەتتە بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي كېسەل بولۇپ موسكۋادا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ «شەرقىي ياۋروپادىكى ئۇرۇش»، «قىزىل روسىيە» ناملىق ئەسەرلىرى بار.

رېدۇم

  • رېدۇم[يەشمىسى:]Redum) قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1894 — 1595) دائىمىي ئارمىيىسىنىڭ بىر خىلىنىڭ نامى. يىرىك قوراللار بىلەن قوراللانغان پىيادە ئەسكەرلەر بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار دۆلەتتىن دائىم بىر ئۈلۈش يەر، جۈملىدىن باغ-ۋاران ۋە ئۆي-جايغا ئىگە بولغان، لېكىن بۇلارنى سېتىشقا يول قويۇلمىغان. باشقىلارنىڭ سېتىۋېلىشىغىمۇ يول قويۇلمىغان، سېتىۋالغۇچى جەزمەن قايتۇرۇپ بېرىشكە، بەلكى بۇرۇن تۆلىگەن نەرخىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمىغان. «خاممورابى قانۇنى»دا پەقەت ئوغلى دادىسىنىڭ ھەربىي خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۈلۈش يەرگە ۋارىسلىق قىلالايدىغانلىقى، ئۇنداق قىلمىسا، مەزكۇر ئۈلۈش يەر ھەربىي خىزمەت ئۆتەيدىغان باشقا كىشىلەرگە بېرىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ھەربىي خىزمەت بىلەن ئۈلۈش يەر تەۋەلىكىنى چېتىشتىن ئىبارەت بۇنداق چارە قەدىمكى بابىلوندىكى بىر خىل مۇھىم تۈزۈم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دائىمىي ئارمىيىنىڭ يەنە بىر خىلىنىڭ نامى بائىرۇم (Bairum) بولۇپ، بۇلار يېنىك قوراللار بىلەن قوراللانغان پىيادە ئەسكەرلەر بولۇشى مۇمكىن، بۇ، «خاممورابى قانۇنى» دارېدۇم بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنغان.

رېسپىگ

  • رېسپىگ[يەشمىسى:]Ottorino Respighi، 1879 — 1936) ئىتالىيە كومپوزىتورى. بولۇندا تۇغۇلغان. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە بولونىيە مۇزىكا شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1900 — 1903-يىللىرى روسىيە سېن-پېتربۇرگ خانلىق تىياتىرى ئوركېستىرىدا بىرىنچى باس ئىسكىرىپكىچى بولغان ھەمدە رىمىسكى-كورسا كوۋدىن مۇزىكا ئۆگەنگەن. گۈزەللىك ئىستىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1913-يىلدىن تارتىپ ئۇزاققىچە رىمدىكى سان-سىسلا مۇزىكا شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1923 — 1925-يىللىرى مەكتەپ مۇدىرى بولغان. 1932-يىلى ئىتالىيە خانلىق شۆيۈەنىدە ئاكادېمىك بولغان. ئامېرىكىدىكى فلادېلفىيە، نيۇ-يورك، چىكاگو قاتارلىق جايلاردا ئويۇن قويغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن سىمفونىيە شېئىرى «رىم بۇلىقى»، «رىم قارىغىيى» ئەڭ مەشھۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئوپېرا، بالېت، مۇزىكا ئەسەرلىرى بار، شۇنداقلا ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇزىكانتى مونتېۋېردى (Claudio Monteverdi، 1567 — 1643) نىڭ ئەسەرلىرىنى رەتلەش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان.

رېكونچۇيستا

  • رېكونچۇيستا[يەشمىسى:] ئىسپانچە «Reconquista» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، مەنىسى «قايتىدىن بويسۇندۇرۇش». «قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى»گە قاراڭ.

رېكس

  • رېكس[يەشمىسى:]Rex) «كورۇل» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. قەدىمكى رىمدىكى مونارخىيىلىك ھاكىمىيەت دەۋرى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 753 — 509) دىكى ھەربىي ئاتامان. يۇناندىكى «باسلېئۇس»قا تەڭ كېلىدۇ. كۇرىيا يىغىنىدا سايلام بىلەن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشى مۇمكىن. ئاساسەن ھەربىي ئىشلارغا قوماندانلىق قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. قوماندانلىق ھوقۇقى (imperium) غا ئىگە، شۇنداقلا ئالىي كاھىن ۋە چوڭ دېلولارنى تەكشۈرۈشتىكى باش سوتچى. ئادەتتە ئۇنىڭدا خەلق ئىشلىرى ھوقۇقى بولمايدۇ. ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى قەبىلە باشلىقى بولۇپ، ئاقساقاللار كېڭىشى (سىنات)، كۇرىيا يىغىنى بىلەن قوشۇلۇپ ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمىدىكى ئۈچ ھوقۇقلۇق ئاپپاراتنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ خاراكتېرى سىنىپىي جەمئىيەتتىكى پادىشاھقا ئوخشىمايدۇ، مۇستەبىت پادىشاھقا تېخىمۇ ئوخشىمايدۇ. رېك-س سۆسۈن رەڭلىك تون كىيىپ، ئالتۇن تاج تاقاپ، بۈركۈت باشلىق سەۋلىجاننى تۇتۇپ، پىل چىشىدىن ياسالغان كرېسلودا ئولتۇراتتى؛ سىرتقا چىققاندا 12 فاشىست (لىكتور) يول باشلاپ ماڭاتتى، فاشىستلار مۈرىسىگە فاشىست بەلگىسى تاقايتتى.

رېگۇلۇس

  • رېگۇلۇس[يەشمىسى:]Marcus Atilius Regulus، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 249) قەدىمكى رىم ئاتامانى. مىلادىدىن 267 يىل ئىلگىرى ئارخون بولغان. بىرىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشى مەزگىلىدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 264 — 241) يەنە بىر قېتىم ئارخون بولغان (مىلادىدىن 256 يىل ئىلگىرى)، سىتسىلىيە ئەتراپىدىكى دېڭىز ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ، كارفاگېن (ھازىرقى تۇنىس)غا ھۇجۇم قىلغان. دەسلەپ غەلىبە قىلىپ، كېيىن يېڭىلىپ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان (مىلادىدىن ئىلگىرى 255). كارفاگېن ئەلچىلەر ئۆمىكى بىلەن رىمغا بېرىپ سۈلھ قىلىش ۋە ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇشنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىسا كارفاگېنغا قايتىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەنتەنىلىك قەسەم بەرگەن. ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ كارفاگېنغا قايتقاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ رىم سىناتىغا كارفاگېن بىلەن داۋاملىق ئۇرۇش قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانىكەن.

رېم

  • رېم[يەشمىسى:]Ernst Rohm، 1887 — 1934) گېرمانىيە ناتسىستلار پارتىيىسى ئېسئاچىلار (A.S) نىڭ باشلىقى. كەسپىي ھەربىيلىكتىن كېلىپ چىققان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پورۇچىك بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ناتسىستلار پارتىيىسىگە كىرىپ، پىۋىخانا توپىلىڭىغا قاتنىشىپ قولغا ئېلىنغان، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن بولىۋىيىگە بېرىپ ھەربىي ئوقۇتقۇچى بولغان. 1930-يىلى 9-ئايدا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ ئېسئاچىلارنىڭ كاتتىبېشى بولغان. ناتسىستلار ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، ئېسئاچىلارنى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولۇپ، «ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلاب» نى تەرغىپ قىلغان.1934-يىلى 6-ئايدا گىتلېرنىڭ «قانلىق تازىلىشى»دا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

رېمارك

  • رېمارك[يەشمىسى:]Erich Maria Remarque، 1898 — 1970)، گېرمانىيىلىك يازغۇچى، دراماتورگ. ئەسلى نامى ئېرىخ پائۇل رېمارك (Erich Paul Remark). بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا چاقىرىق بويىچە ئارمىيىگە كىرىپ، غەربىي سەپتىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، مۇخبىر بولغان. 1929-يىلى ئۇرۇشقا قارشى رومانى — «ئۇرۇشسىز غەربىي لىنىيە خاتىرىلىرى»نى ئېلان قىلىپ دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بولغان. 1933-يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۆيدۈرۈلگەن. 1939-يىلى ئامېرىكىغا قېچىپ بېرىپ، ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن، ئەمما كۆپرەك شۋېتسارىيىدە تۇرغان. ئۇنىڭ يەنە «زەپەر دەرۋازىسى»، «ھايات ئۇچقۇنى»،«ھايات-ماماتلىق دەۋر»، «لېسابون كېچىسى»، «جەننەتتىكى سايە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

رېمبران

  • رېمبران[يەشمىسى:]Rembrandt Harmenszoon vanRijr، 1606 — 1669) گوللاندىيىلىك رەسسام. ئاتىسى تۈگمەن خوجايىنى. لېيدىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. لاستمان(Pieter Lastman، 1583 — 1633) دىن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. كېيىن ئىتالىيىلىك رەسسام كاراۋاگىئو (Michelangeio Merisida caravaggio، تەخمىنەن 1573 — 1610) نىڭ يورۇقلۇق بىلەن خىرەلىكىنى نىسبەتلەشتۈرۈپ رەسىم سىزىش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغان ۋە راۋاجلاندۇرغان، يىغما نۇر ۋە سۈزۈك كۆلەڭگىدىن پايدىلىنىپ ئاساسىي ماۋزۇنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ماھىر بولغان. ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب قوللىنىپ، سۈپەت تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگەن. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گوللاندىيىنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيىسى ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، كالۋىن دىنى دۆلەت دىنى قىلىنىپ، چېركاۋلاردىكى بېزەك رەسىملىرى ۋە دىنىي مۇراسىم رەسىملىرى بىكار قىلىنغان، ئۇ «ئىنجىل» دىكى ھېكايىلەر ۋە يۇنان رىۋايەتلىرى ئاساسىي تېما قىلىنغان دەھرىيلەشتۈرۈلگەن بەزى ماي بوياق رەسىملەر ۋە چىرىتمە ئويما رەسىملەرنى سىزغان. ئەسەرلىرىدىن «پروفېسسور دۇپنىڭ ئاناتومىيە دەرسى»، «كېچىلىك چارلاش»، «يان سىكىس سۈرىتى» قاتارلىقلار ۋە كۆپلىگەن تېز سىزما كوپىيىلىرى بار.

رېمۇسات

  • رېمۇسات[يەشمىسى:]Jean Pierre Abel Remusat، 1788 — 1832) فرانسىيىلىك خەنزۇشۇناس. دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1811-يىلى «جۇڭگو ئەدەبىياتى ۋە تىلى ئۈستىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىش»نى ئېلان قىلغان. 1814-يىلدىن باشلاپ فرانسىيە شۆيۈەنىدە خەنزۇ تىلى لېكسىيىسىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. كېيىن «ئالىملار ژۇرنىلى»نىڭ تەھرىرى بولغان. 1822-يىلى پارىژدا «ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى»نى قۇرغان ھەمدە بۇ جەمئىيەتنىڭ تۇنجى كاتىپى بولغان. ئۇنىڭ پائالىيىتى خەنزۇ تىلى تەتقىقاتىنىڭ فرانسىيىدە ئەۋج ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رېم ۋەقەسى

  • رېم ۋەقەسى[يەشمىسى:] گىتلېر ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ئىچىدىكى رېم (Рем Зрисг) باشچىلىقىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھنى تازىلىغان ۋەقە. ناتسىستلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئېسئاچىلار (A .S) كاتتىبېشى رېم باشچىلىقىدا پارتىيە ئىچىدە ئۆكتىچى گۇرۇھنى تەشكىل قىلىپ، «ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلاب» بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، «25 ماددىلىق پروگرامما»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. مونوپول كاپىتالىستلار مالىيە گۇرۇھىنىڭ يول كۆرسىتىشى ئاستىدا، گىتلېر ئۆكتىچى گۇرۇھتىكىلەر «سىياسىي ئۆزگىرىش» قىلماقچى دېگەننى باھانە قىلىپ، 1934-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى رېم قاتارلىق ئېسئاچىلارنىڭ كاتتىباشلىرى ۋە ئۆكتىچى گۇرۇھتىكى باشقا كىشىلەردىن 1000 ئۆپچۆرىسىدىكى كىشىنى ئۆلتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئېسئاچىلارنىڭ ئورنىنى ئېسئېسچىلار (S. S) ئىگىلىگەن.

رېنان

  • رېنان[يەشمىسى:]Joseph Ernest Renan، 1823 — 1892) فرانسىيىلىك تارىخشۇناس، شەرق تىلشۇناس. نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپ چېركاۋ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان، كېيىن فرانسىيە شۆيۈەنىگە كىرىپ بىلىم ئاشۇرغان. 1852-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. 1862-يىلى بىر مەھەل فرانسىيە شۆيۈەنىدە ئىبرېي تىلى پروفېسسورى بولغان. 1863-يىلى «ئىيسا تەرجىمىھالى»نى ئېلان قىلغان. 1870-يىلى يەنە فرانسىيە شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1878-يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلانغان. 1883-يىلدىن باشلاپ فرانسىيە شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى: «سېمىت تىلى تارىخى ۋە ئۇنىڭ سېلىشتۇرما سىستېمىسى»، «خرىستىئان دىنىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى»، «ئىسرائىلىيە خەلقى تارىخى».

رېنچېن يىللىرىدىكى ۋەتەن ئۇرۇشى

  • رېنچېن يىللىرىدىكى ۋەتەن ئۇرۇشى[يەشمىسى:] چاۋشيەن خەلقىنىڭ 1592 — 1598-يىللىرىدىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى. «لى خاندانلىقىنىڭ تەزكىرىسى»دە رېنچېن (1592-يىل) — دىڭيو (1597-يىل)يىللىرىدىكى جەڭ دەپ خاتىرىلەنگەن. تويوتومى خىدې يوشى ياپونىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋاقتىدا چاۋشيەننى يۇتۇۋېلىپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ، زېمىنىنى كېڭەيتىش قارا نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 1592-يىلى (چاۋشيەننىڭ شۇەنزۇ 25-يىلى، ياپونىيىنىڭ ۋىنلۇ 1-يىلى) 4-ئايدا، كونشى يۇكىناگا، كاتوكىيو ماسا قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى 180 مىڭ كىشىلىك ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋە 30 — 40 مىڭ كىشىلىك دېڭىز ئارمىيىسى چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، ئۇلار فۇشەندە قۇرۇقلۇققا چىققان. لى خاندانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەزھەپ تالاش-تارتىشلىرىنىڭ كەسكىن بولۇشى، مۇداپىئەنىڭ ئاجىز بولۇشى تۈپەيلىدىن دەسلەپكى جەڭدە پايدىسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. 5-ئايدا سىئولنى تاشلاپ چىققان، 6-ئايدا پىخىنىيان قولدىن كەتكەن. شۇەنزۇ خان جەمەتىنى باشلاپ يىجۇغا قېچىپ كېتىپ، جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ئەلچى ئەۋەتكەن. بۇ چاغدا چاۋشيەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلقلەر قوزغىلىپ، پىدائىي ئەسكەرلەرنى تەشكىللەپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا زەربە بەرگەن. 5 — 7-ئايلاردا لى شۇنچېن قاتارلىقلار دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، تاشپاقىسىمان پاراخوتنى باشلامچى قىلىپ جەنۇبىي تەرەپ دېڭىز بويىدىكى يۇپۇ، خېپۇ، چىجېنپۇ، تاڭپۇ، شيەنشەنداۋ قاتارلىق جايلاردىكى دېڭىز ساھىلىدا ياپون دېڭىز ئارمىيىسىنى ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ قىلىپ، دۈشمەنلەرنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە سۇدا تەڭ ئىلگىرىلەش پىلانىنى تارمار قىلىپ، دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئالغان. 12-ئايدا مىڭ سۇلالىسى لى سۇرۇڭ قاتارلىقلارنى 40 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن چاۋشيەنگە ياردەم قىلىشقا ئەۋەتكەن. ئىككىنچى يىلى 1-ئايدا، ياردەمگە بارغان قوشۇنلار پىخىنىياننى قايتۇرۇۋېلىپ، سىئولغا يېقىنلاشقان. 4-ئايدا، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى شېن ۋېيجىڭ ياپونىيە گېنېرالى كونشى يۇكىناگا بىلەن سۈلھ قىلىشنى باشلاپ، لوڭشەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. ياپونىيە ئەسكەرلىرى جەنۇب تەرەپكە چېكىنىپ، فۇشەنگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ، تىنچلىق سۆھبىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ، ئەسكەر يۆتكەپ، پۇرسەت كەلگەندە قايتا ئۇرۇشماقچى بولغان. 1597-يىلى 2-ئايدا (چاۋشيەننىڭ شۇەنزۇ 30-يىلى، ياپونىيىنىڭ چىڭجاڭ 2-يىلى) تويوتومى خىدىيوشى يەنە 140 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر چىقىرىپ فۇشەندىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، شىمالغا تاجاۋۇز قىلغان. ئىككىنچى يىلى 7-ئايدا، مىڭ سۇلالىسى يەنە زور قوشۇن ئەۋەتىپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىپ، ئارقا-ئارقىدىن غەلىبە قىلغان. ئۇزۇن ئوتمەي تويوتومى خىدىيوشى دەرد-ئەلەمدە كېسەل بولۇپ ئۆلگەن. ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشنى نەسىھەت قىلغان. چاۋشيەن-جۇڭگو ئەسكەرلىرى غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ، قوغلاپ زەربە بەرگەن. 1598-يىل لوڭياڭخەي ئۇرۇشىدا ياپونىيە قوشۇنلىرىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرغان. 1609-يىلى چاۋشيەن بىلەن ياپونىيە «جىيۇ شەرتنامىسى»(ياپونلۇقلار«چىڭچاڭ شەرتنامىسى» دەپ ئاتايدۇ) ئىمزالىغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش چاۋشيەننى قوغداپ، ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش غەرىزىنى بىتچىت قىلغان.

رېنشېن يىللىرىدىكى غەليان

  • رېنشېن يىللىرىدىكى غەليان[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ تايكا يېڭىلىقىدىن كېيىنكى بىر قېتىملىق تەخت تالىشىش يۈزىسىدىن كېلىپ چىققان غەليان. مىلادى 668-يىلى تېنجى تېننۇ ئۇكىسى، شاھزادە ئومىخارانى ۋەلىئەھد قىلىپ بېكىتكەن. لېكىن كېيىن يەنە 671-يىلى ئىگائۇنې خانىكىدىن تۇغۇلغان شاھزادە ئوتومونى نايىپ ۋەزىر قىلىپ بەلگىلىگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي شاھزادە ئومىخارا ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، يوشىنو ئوردىسىغا كېلىپ يېتىۋالغان. شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا تېنجى تېننو ئۆلۈپ كېتىپ، شاھزادە ئوتومو تەخت ۋارىسى بولغان ۋە ئۆزىنى خىروخۇمى تېننو دەپ ئاتىغان. 672-يىل (رېنشېن يىلى) 6-ئايدا، شاھزادە ئومىخارا يوشىنو ئوردىسىدىن چىقىپ، مىنو (بۈگۈنكى گىفۇ ناھىيىسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە) ئارقىلىق چىكائى (بۈگۈنكى شىگا ناھىيىسى) ئوردىسىغا باستۇرۇپ كېلىپ، 7-ئايدا سېتادا چىكائى ئارمىيىسىنى يەڭگەن. شاھزادە ئوتومو ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. شۇ يىلى قىشتا شاھزادە ئومىخارا ئاسۇكا (بۈگۈنكى نارا ناھىيىسى)دە ئوردا سالدۇرۇپ، ئىككىنچى يىلى 2-ئايدا تەختكە چىقىپ، ئۆزىنى تېنمۇ تېننو دەپ ئاتىغان.

رېننېر

  • رېننېر[يەشمىسى:]Karl Renner، 1870— 1950) ئاۋسترىيە زۇڭتۇڭى (1945 — 1950)، ئاۋسترىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ئوڭ قانات رەھبىرى. ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1907-يىلىدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىرىنچى قېتىملىق زۇڭلى (1918 — 1920) بولغان. 1931 — 1933-يىللىرى پارلامېنت باشلىقى بولغان. 1938-يىلى گېرمانىيىنىڭ ئاۋسترىيىنى ۋە چېخوسلوۋاكىيىنىڭ سودېت رايونىنى يۇتۇۋېلىشنى ئاشكارا قوللىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1945-يىلى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت زۇڭلىسى بولغان. كېيىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان.

رېنۇۋىن

  • رېنۇۋىن[يەشمىسى:]Pierre Renouvin، 1893 — 1974)فرانسىيىلىك تارىخشۇناس. پارىژ داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1933-يىلدىن باشلاپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پارىژ داشۆسى ۋە سىياسىي پەن تەتقىقات يۇرتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1946-يىلى ئېتىكا ۋە سىياسىيشۇناسلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. مەخسۇس دىپلوماتىيە تارىخى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخى ئۈستىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئاساسىي ئەسەرلىرى: «1914-يىلدىكى ئۇرۇشنىڭ بىۋاسىتە مەنبەسى»، «ياۋروپادىكى كرىزىس ۋە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى»،«1840 — 1940-يىللاردىكى يىراق شەرق مەسىلىسى»، «1815 — 1870-يىللاردىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخى»، «1871 — 1914-يىللاردىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخى».

رېنۋۇ (ئات) يىلىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش

  • رېنۋۇ (ئات) يىلىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش[يەشمىسى:] 1882-يىلى سىئولدىكى كونىچە ئارمىيە ئەسكەرلىرى قوزغىغان ھەربىي ئۆزگىرىش. چاۋشيەن ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىچە ۋە كونىچە ئارمىيىگە بېرىدىغان تەمىناتىدا پەرق ناھايىتى چوڭ بولغان. كونىچە ئارمىيىنىڭ تەمىناتى 13 ئايغىچە تارقىتىلمىغان. شۇڭلاشقا كونىچە ئارمىيە ئەسكەرلىرى 1882-يىل 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، يىجىن مەھكىمىسى، پايتەخت نازارەت مەھكىمىسى ۋە ياپونىيە ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، يېڭىچە ئارمىيىدىكى ياپونىيىلىك تەلىم-تەربىيە ئوفىتسېرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، خان ئوردىسىنى قورشىۋالغان. يېڭى ئارمىيىنىڭ قوماندانى مىن چيەنگاۋنى ۋە پايتەخت نازارەت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جىڭ فۇشۇەننى ئۆلتۈرگەن. ياپونىيە ئەلچىسى ئەلچىخانىغا ئوت قويۇپ بېرىپ، ياپونىيىگە قېچىپ كەتكەن. ئۇزاقتىن بۇيان قولايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان كونسېرۋاتىپلارنىڭ كاتتىبېشى — گۈللىنىش زورراغاسىنىڭ ئاقساقىلى قايتىدىن ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ھەربىي ئۆزگىرىش تىنچىشقا باشلىغان. شۇ يىلى 8-ئايدا، ياپونىيە ئەلچىسى خانافۇسايوشتادا قايتىدىن ھەربىي پاراخوتنى باشلاپ چاۋشيەنگە كېلىپ، چاۋشيەننى «جىۋۇپۇ شەرتنامىسى» ۋە «چاۋشيەن-ياپونىيە يارىشىپ قېلىش كېلىشىمىنىڭ داۋامى» نى تۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان.

رېۋىزىئونىزم

  • رېۋىزىئونىزم[يەشمىسى:] خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىدە ماركسىزم بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ماركسىزمغا قارشى تۇرىدىغان ئاغمىچى پىكىر ئېقىمى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى مەيدانغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى كاپىتالىزم «تىنچ» راۋاجلانغان مەزگىلىدە پەيدىنپەي شەكىللەنگەن ئىشچى ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسى، شۇنىڭدەك ئىشچىلار سىنىپىنىڭ قوشۇنىنى تولۇقلىغان ئۇششاق بۇرژۇئازىيىدىن ئىبارەت. ماركسىزمنىڭ نەزەرىيىۋى جەھەتتىكى غەلىبىسى، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنى ماركسىزم تونىغا ئورۇنۇۋېلىپ ماركسىزمغا قارشى تۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان. ئېنگېلس ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بېرنىشتېيىن ئوچۇقتىن-ئوچۇق ماركسىزمغا ئومۇميۈزلۈك «تۈزىتىش» كىرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. بېرنىشتېيىنىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بېرنىشتېيىندىن كېيىنكى ئاساسلىق ۋەكىلى كائوتىسكىي، رېۋىزىئونىزم بۇرژۇئازىيىنىڭ ئىدىيە سىستېمىسى ئارقىلىق ماركسىزمنىڭ ئىدىيە سىستېمىسىنى ئىنكار قىلغان، ماركسىزمنىڭ تۈپكى پرىنسىپلىرىنى ئىنكار قىلغان. پەلسەپە جەھەتتە دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمدىن يۈز ئۆرۈپ، ھەدەپ ئىدېئالىزم ۋە مېتافىزىكىنى تەرغىپ قىلغان؛ سىياسىي ئىقتىساتشۇناسلىق جەھەتتە بولسا ماركسىزمنىڭ قوشۇمچە قىممەت تەلىماتىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، كاپىتالىزمنىڭ زىددىيەتلىرىنى كۈچەپ يوشۇرۇپ، كاپىتالىزم تۈزۈمىدىكى ئىقتىسادىي كرىزىس ۋە سىياسىي كرىزىسنى ئىنكار قىلغان؛ سىياسىي جەھەتتە سىنىپلار ھەمكارلىقى ۋە كاپىتالىزمنىڭ سوتسىيالىزمغا «تىنچ ئۆسۈپ كىرىش» نى تەرغىپ قىلىپ، ماركسىزمنىڭ سىنىپىي كۈرەش تەلىماتىغا، پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى چىققان. ئىشچىلار ئاممىسىنى ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى دەپ پرولېتارىياتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى بىر مەھەل قۇربان قىلىشقا قۇتراتقان، پرولېتارىيات پارتىيىسىنىڭ كوممۇنىزمدىن ئىبارەت ئەڭ ئاخىرقى نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىنكار قىلغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى جاھانگېرلىك دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ياوروپادىكى دۆلەتلەردە بىرمەھەل ئەۋىج ئېلىپ، ئاخىرى خەلقئارالىق ھادىسىگە ئايلانغان. لېكىن ماركسىزمنىڭ ئىنقىلاب تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرىنىڭ رېۋىزىئونىزم بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان.

رېيخېنباخ كېلىشىمى

  • رېيخېنباخ كېلىشىمى[يەشمىسى:] 1790-يىلى ئاۋسترىيە بىلەن پروسسىيە ئىمزالىغان كېلىشىم. 1789-يىلى پرۇسسىيە بېلگىيىدە ئىنقىلاب پارتلىغانلىقى ۋە ئاۋسترىيىنىڭ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشقا پېتىپ قېلىشتەك قىيىن ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئاۋسترىيىنىڭ تۈركىيىگە قاراتقان ئۇرۇشنى توختىتىشىنى ھەمدە گالىتسىيىنى پولشاغا بۆلۈپ بېرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن پولشادىن دانزىگنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ زېمىن قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان. ئاۋسترىيە ئۇنى رەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن. كېيىن ئەنگلىيىنىڭ بېسىمى بىلەن، ئاۋسترىيە، پرۇسسىيە 1790-يىل 7-ئاينىڭ 27-كۈنى سېلسىيىدىكى رېيخېنباخدا (Reichenbach) كېلىشىم ئىمزالىغان، ئۇنىڭدا پرۇسسىيە ئاۋسترىيىگە قارىتا تېررىتورىيە تەلىپىدىن ۋاز كېچىش ھەمدە ئاۋسترىيىنىڭ بېلگىيە ئىنقىلابىنى باستۇرۇشىغا ياردەم بېرىش؛ ئاۋسترىيە تۈركىيىگە قاراتقان ئۇرۇشنى توختىتىش ھەمدە ئىشغال قىلىۋالغان تۈركىيە زېمىنىدىن ۋاز كېچىش، ئۇرۇشتىن ئاۋۋالقى ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بەلگىلەنگەن. بۇ كېلىشىم پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالغان ھەمدە كېيىنكى پرۇسسىيە-ئاۋسترىيىنىڭ فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق قۇرۇشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن.

رېيخىستاگقا ئوت قويۇش دېلوسى

  • رېيخىستاگقا ئوت قويۇش دېلوسى[يەشمىسى:] گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ كوممۇنىستلارغا زىيانكەشلىك قىلىش دېلوسى. 1933-يىل 2-ئاينىڭ 27-كۈنى كېچىسى، ناتسىستلار پارلامېنت بىناسىنى (رېيخىستاگنى) كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئەتىسى ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ كاتتىبېشى، پرۇسسىيە زۇڭلىسى گېرىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئوت قويۇش ۋەقەسى كومپارتىيىنىڭ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىنىڭ سىگنالى دەپ تۆھمەت چاپلىغان. ناتسىستلار ھۆكۈمىتى جىددىي پەرمان ماقۇللاپ، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، سۆز ئەركىنلىكى قاتارلىق ئاساسىي قانۇن ماددىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، كومپارتىيە ۋە تەرەققىيپەرۋەر پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ گېزىت-ژۇرناللىرىنى مەنئى قىلىپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنى ھەدەپ قولغا ئالغان. شۇ چاغدا گېرمانىيىدە تۇرۇۋاتقان بۇلغارىيە كومپارتىيىسىنىڭ داھىيسى دىمىتروۋ قاتارلىق كىشىلەرمۇ قولغا ئېلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە گېرمانىيە كومپارتىيىسىنىڭ رەئىسى تېلمان قولغا ئېلىنغان. ناتسىست دائىرىلىرى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن ئىككىنچى يىلى 12-ئايغىچە، لېيپسىگدا ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرىدىكى سوت ئۇيۇشتۇرغان. دىمىتروۋ سوتتا فاشىزمنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە جىنايىتىنى پاش قىلغان. دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا سوت نائىلاج ئۇنى گۇناھسىز دەپ جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان.

رېيلېس

  • رېيلېس[يەشمىسى:]Carlos Reyles، 1868 — 1938)، ئوروگۋايلىق يازغۇچى. 18 يېشىدا دادىسىنىڭ مىليونلاپ بايلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان، كېيىن ياوروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ساياھەت قىلغان ھەمدە فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيىدە ئولتۇراقلاشقان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا مال-دۇنياسى تۈگەپ، مونتېۋىدېئو داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئەسەرلىرى ئاساسەن يېزا تۇرمۇشىنى سۇژىت قىلغان بولۇپ، پسىخىك تەسۋىرلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەبىئەتچىلىكنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلىرى: «بوۋاق»، «يوشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىرق»، «يۇرت»، «سېۋېللىنىڭ سېھرىي كۈچى» ۋە «ئاققۇنىڭ ئۆلۈمى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

رېينائۇد

  • رېينائۇد[يەشمىسى:]Paul Reynaud، 1878 — 1966)، فرانسىيە زۇڭلىسى (1940). 1919-يىلىدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. مالىيە مىنىستىرى (1930-، 1938 — 1940)، مۇستەملىكىلەر مىنىستىرى (1931 — 1932)، ئەدلىيە مىنىستىرى (1932-، 1938-) ۋە مۇئاۋىن زۇڭلى (1932-) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. دېگولل ئوتتۇرىغا قويغان برونىۋىك قىسىملارنى راۋاجلاندۇرۇش پىلانىنى قوللىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، 1940-يىل 3-ئاينىڭ 20-كۈنى زۇڭلىلىققا تەيىنلەنگەن، فرانسىيە خەۋپ ئاستىدا قالغان چاغدا، شىمالىي ئافرىقىغا يۆتكىلىپ بېرىپ، داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلغان، 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىستېپا بەرگەن. كېيىن گېرمانىيىدە تۈرمىدە ياتقان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئەركىنلىككە ئېرىشىپ، فرانسىيىگە قايتىپ كەلگەن. 1948-يىلى مالىيە مىنىستىرى بولغان. 1953-يىلى مۇئاۋىن زۇڭلى بولغان. بەشىنچى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدە، دېگوللنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە قارشى مەيدانىدا تۇرغان.

رېين شەھەرلەر ئىتتىپاقى

  • رېين شەھەرلەر ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] 1254-يىلى گېرمانىيىنىڭ رېين رايونىدىكى كيۇلىن، ھاينىس، ۋورمىس قاتارلىق شەھەرلەر تۈزگەن ئىتتىپاق. ئىتتىپاقداش شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنى قوغداشنى، كىنەزلەر ۋە رىتسارلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلغان. قوراللىق كۈچ ۋە ف-لوتقا ئىگە بولغان. رېين رايونىدىكى كىنەزلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى گومرۇك-توساقلىرىنى بىكار قىلىشنى، پادىشاھ سايلاشنى تەلەپ قىلغان (1254 — 1273-يىللىرى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھلىق تەختى بوش قالغان). بەزى كىنەزلىكلەرمۇ ئىتتىپاققا قاتناشقان. ئىتتىپاققا قاتناشقان شەھەرلەر كۆپ بولغان چاغدا تەخمىنەن ئەللىككە يەتكەن. كېيىن شەھەرلەر بىلەن كىنەزلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت پەسەيگەنلىكتىن، 1257-يىلى ئىتتىپاق تارقىتىۋېتىلگەن. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يەنە قۇرۇلغان. 1381-يىلى سۋابىن شەھەرلەر ئىتتىپاقى بىلەن بىرلەشكەن. 1388-يىلى ۋورمىس ئەتراپىدا كىنەزلىكلەر تەرىپىدىن يېڭىلىپ خارابلاشقان. تەخمىنەن 1450-يىلى ئاخىرىقى ھېسابتا پارچىلىنىپ كەتكەن.

رېين گېزىتى

  • رېين گېزىتى[يەشمىسى:] تولۇق ئاتىلىشى «رېين سىياسىي، سودا ۋە سانائەت گېزىتى». گېرمانىيە بۇرژۇئا دېموكراتلىرىنىڭ گېزىتى. 1842-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى كيۇلىندا چىقىرىلغان. دەسلەپ رېين ئۆلكىسىدىكى بۇرژۇئا لىبېراللىرى ئۇنى گېرمانىيە سودا-سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا بېجى ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنى قوللاش مەقسىتىدە چىقارغان. كېيىن بۇ گېزىتنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى بۇرژۇئا رادىكاللىرى ئىگىلەپ، ئۇنى پرۇسسىيە مۇستەبىت تۈزۈمىگە قارشى خاھىشقا ئىگە قىلغان. 4-ئايدىن باشلاپ، ماركس ئۇنىڭغا پات-پات ماقالە يېزىپ تۇرغان، 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ باش مۇھەررىر بولغان، ئېنگېلسمۇ ماقالە يېزىشقا قاتناشقان، ئەكسىيەتچىل پرۇسسىيە روھى، سىياسىي تۈزۈمى ۋە ئىجتىمائىي ھالىتىگە كەسكىن زەربە بېرىپ، بۇ گېزىتنى روشەن ئىنقىلابىي دېموكراتىزم خاراكتېرىگە ۋە يېپيېڭى جەڭگىۋار تۈسكە ئىگە قىلغان. پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سېنزور تۈزۈمىنىڭ زىيانكەشلىكى ۋە گېزىتخانا ھەسسىدارىنىڭ ئەكسىيەتچى دائىرىلەر بىلەن مۇرەسسە قىلىشى ئارقىسىدا، 1843-يىل 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، ماركس باش مۇھەررىرلىك خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. 3-ئاينىڭ 31-كۈنى بۇ گېزىتنىڭ توختىتىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

رېين ئىتتىپاقى

  • رېين ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رېين رايونىدىكى گېرمان شتاتلىرى ناپولېئون Ⅰ نىڭ «ھامىيلىقى» دا تۈزگەن ئىتتىپاق. 1806-يىل 7-ئاينىڭ 12-كۈنى پارىژدا كېلىشىم ئىمزالىنىپ، رەسمىي قۇرۇلغان. دەسلەپتە بۇ ئىتتىپاققا جەنۇبىي گېرمانىيە بىلەن غەربىي گېرمانىيىدىكى 16 شتات قاتناشقان، كېيىن داۋاملىق كۆپىيىپ 36 گە يەتكەن. ئىتتىپاققا قاتناشقان شتاتلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، فرانسىيىگە مەنسۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ئۆز ئىچىدە «ناپولېئون قانۇنى»نى يولغا قويغان، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى قىلغان ناپولېئوننىڭ ئۇرۇش قىلىشىنى قوللىغان، شۇنىڭ بىلەن فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا ياۋروپادىكى مۇھىم ھەربىي ۋە سىياسىي تۈۋرۈكى بولۇپ قالغان. 1813-يىلى ناپولېئون لېيپىسىگ جېڭىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىتتىپاق پارچىلانغان.

رىببېنتروپ

  • رىببېنتروپ[يەشمىسى:]Joachim Von Ribbentrop، 1893 — 1946) فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1938 — 1945). ئۇرۇش جىنايەتچىسى. ئوفىتسېر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياشلىق دەۋرىدە گېرمانىيە، شۋېتسارىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيىدە ئوقۇغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاۋۋال گېرمانىيە ئارمىيىسىدە ئىشلىگەن، كېيىن گېرمانىيىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەلچىلەر ئۆمىكىگە قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن ھاراق سودىگىرى بولغان. 1932-يىلى ناتسىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. ئۇزۇن ئۆتمەي گىتلېرنىڭ ئاساسلىق تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسىگە ئايلىنىپ، «رىببېنتروپ ئىش بېجىرىش ئورنى» قۇرغان. 1935-يىلى پەۋقۇلئاددە باش ئەلچى بولۇپ ئەنگلىيە بىلەن «ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى كېلىشىمى» ئىمزالىغان. 1936-يىلى ياپونىيە بىلەن «كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى» ئىمزالىغان. 1936 — 1938-يىللىرى ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. 1938-يىلدىن باشلاپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. بۇ مەزگىلدە فاشىستلار گېرمانىيىسىنىڭ ھەممە تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە دېگۈدەك قاتناشقان ۋە پىلانلىغان. 1945-يىلى گىتلېر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن دېنتىس تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. 1946-يىلى نيۇرىنبېرگ خەلقئارا ھەربىي سوت مەھكىمىسى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈش جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

رىبول

  • رىبول[يەشمىسى:] چېخ ئىنقىلابىي دېموكراتىزمچىلىرىنىڭ مەخپىي مىللىي تەشكىلاتى. 1846-يىلى پراگادا قۇرۇلغان. ئاساسلىق رەھبەرلىرى، ئۇششاق بۇرژۇئا دېموكراتىزمچىسى كالېر-سابېننا، ئىمانور ئارنولدۋىنسلاۋ ۋاخلا قاتارلىق كىشىلەر. بۇ تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى رادىكال ئۇششاق بۇرژۇئازىيە زىيالىيلىرىدىن ئىبارەت. ئۇلار ئاۋسترىيە ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. فېئودال مەجبۇرىيەتلەرنى بىكار قىلىپ، كاتولىك دىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. 1848-يىلىدىكى چېخ ئىنقىلابىغا پائال قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. 1848-يىلى 6-ئايدا پراگا ئىشچىلىرىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1849-يىلى 5-ئايدا، پراگادا يەنە بىر نۆۋەت قوزغىلاڭغا تەييارلىق قىلغان، ئىش ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، نەتىجە قازىنالمىغان. قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىرى ئاۋسترىيە ئەكسىيەتچىل دائىرىلىرىنىڭ ۋەھشىيلەرچە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، تەشكىلات نابۇت قىلىنغان.

رىبمان

  • رىبمان[يەشمىسى:]Johannes Rebmann، 1820 — 1876)، گېرمانىيىلىك دىن تارقاتقۇچى. ئېكسپېدىتسىيىچى. 1846-يىلى شەرقىي ئافرىقىنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى جايلىرىغا بېرىپ دىن تارقاتقان. 1848-يىلى 5-ئايدا ئىچكى رايونلارغا كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا كىلىمانجارو تېغى، كىنىيە تېغى ۋە مالاۋى كۆلىنى تاپقان. شۇنىڭ بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ نىل دەرياسى ۋە ئافرىقىدىكى ئىچكى دەريالار، كۆللەر ئۈستىدە بىر قاتار تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ۋە ئېكسپېدىتسىيە قىلىشىنى قوزغىغان.

رىچاردⅠ

  • رىچاردⅠ[يەشمىسى:]RischardⅠ، 1157 — 1199) ئەنگلىيە پىلانتا گېنېتىس خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1189 — 1199). لەقىمى «شىر يۈرەك شاھ» (Lion - Hearted). ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅱ نىڭ ئۈچىنچى ئوغلى. 1172-يىلى ئاكۇيتانىيە كىنەزى بولغان. 1188 — 1189-يىللىرى فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، كورۇل دادىسىغا قارشى تۇرۇپ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئېلىۋالغان. 1190-يىلى فىلىپ Ⅱ بىلەن بىللە ئۈچىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشىغا قاتناشقان. 1191-يىلى سىپرۇسنى ئىشغال قىلىۋالغان ھەمدە فرانسىيە ئەھلىسەلىپچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ پەلەستىندىكى ئاكرې (Acre) شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان. ئاندىن كېيىن ئېرۇسالىمغا ھۇجۇم قىلغان، سالاھىددىننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئۇنى ئالالمىغان. 1192-يىلى 9-ئايدا سالاھىدىن بىلەن سۈلھ قىلغان. 10-ئايدا پەلەستىندىن ئۆز دۆلىتىگە قايتقان. سەپەر ئۈستىدە ئاۋسترىيە كىنەزى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅵ نىڭ قولىغا چۈشكەن. 1194-يىلى ئەنگلىيە 100 مىڭ فوند ستېرلىڭ بىلەن ئۇنى قايتۇرۇۋالغان. كېيىن يەنە ئەنگلىيىنىڭ فرانسىيىدىكى خوجىلىق يەرلىرىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە، فىلىپ Ⅱ بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ئۇرۇشپەرەس بولۇپ، باج-سېلىقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھەرقايسى تەبىقىدىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1196-يىلى لوندوندا باجغا قارشى قوزغىلاڭ يۈز بەرگەن.

رىچاردⅡ

  • رىچاردⅡ[يەشمىسى:]RichardⅡ، 1367 — 1400) ئەنگلىيە پلانتا گېنېتىس خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى (1377 — 1399). ئېدۋارد (شاھزادە) نىڭ ئوغلى. بالا ۋاقتىدا تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، بوۋىسى ئېدۋارد Ⅲ تىن كېيىن پادىشاھ بولغان. ئۇنىڭ تاغىسى لانكاستېر كىنەزى جون (John of gaunt، 1340 — 1399) نائىب بولغان. 1389-يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. ئۇ چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ۋە پارلامېنتنىڭ سىياسىي تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 1396-يىلى فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅵ بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، يۈز يىللىق ئۇرۇشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى ئاياغلاشتۇرغان. 1398-يىلى لانكاستېر كىنەزى جوننىڭ ئوغلى ھېنرىنى سۈرگۈن قىلغان. 1399-يىلى 4-ئايدا ئەسكەر باشلاپ ئىرلاندىيىگە يۈرۈش قىلغان. ھېنرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ۋەتىنىگە قايتىپ، كۈچ توپلاپ 9-ئايدا رىچاردنى بىكار قىلىپ، كورۇل بولۇپ، ئۆزىنى ھېنرى Ⅳ دەپ ئاتاپ، لونكاستېر خاندانلىقىنى قۇرغان. رىچارد ئۆمۈرلۈك قاماققا ئېلىنغان.

رىچاردⅢ

  • رىچاردⅢ[يەشمىسى:] RichardⅢ، 1452 — 1485) ئەنگلىيە يورك خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1483 — 1845). قىزىلگۈل ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1460-يىلى دادىسى كىنەز يورك ئۆلگەندىن كېيىن، ئاكىسى ئېدۋارد Ⅳ (Edward Ⅳ، 1442 — 1483) نىڭ كورۇل بولۇشىنى ھىمايە قىلىپ، ئۆزى گلۇكېستېر كىنەزى بولغان. ئاكىسى ئۆل-گەندىن كېيىن، جىيەنى ئېدۋارد Ⅴ (EdwardⅤ، 1470 — ؟) نى تەختكە چىقىرىپ، ئۆزى نائىب بولغان. لېكىن كېيىن جىيەنىنى نەرەربەند قىلىپ، ئۆزى كورۇل بولۇۋالغان. بىر قىسىم ئاقسۆڭەكلەر، شەھەر ئاھالىسى ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. كېيىن بىر جەڭدە ھېنرى تۇدور تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

رىزا شاھ پەھلىۋى

  • رىزا شاھ پەھلىۋى[يەشمىسى:]Riza shah Pahlavi، 1878 — 1944) ئىراندىكى پەھلىۋىلەر خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، شاھ بولغان (1925 — 1941). پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1891-يىلىدىن باشلاپ ئىراندىكى كازاك برىگادىسىدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوفىتسېرلىككە كۆتۈرۈلگەن. 1921-يىلى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. گىلان (Gilan) قاتارلىق جايلاردىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ھەربىي-مەمۇرىي ئەمەلىي ھوقۇقلىرىنى ئىگىلىگەن. 1923-يىلدىن باشلاپ باش ۋەزىر بولغان. 1925-يىلى قاچار خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، ئۆزى شاھ بولغان. تەختتىكى مەزگىلىدە، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىشچى-دېھقانلار ھەرىكىتىنى باستۇرغان. شۇنىڭدەك چەت ئەل تەسىر كۈچلىرىنى چەكلەپ، مىللىي سانائەتنى يۆلىگەن، قىسمەن ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن گېرمانىيە بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغانلىقتىن، 1941-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ئىرانغا قوشۇن كىرگۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن رىزاھ شاھ پەھلىۋى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولۇپ، جەنۇبىي ئافرىقىغا كەتكەن. ئوغلى مۇھەممەد رىزا پەھلىۋى ئۇنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان.

رىزال

  • رىزال[يەشمىسى:]Jose Rizal Y Marcado، 1861 — 1896) فىلىپپىن مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، يازغۇچى. لاگۇنادى باي ئۆلكىسىدىكى كانەنبادا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ ياۋروپاغا كەتكەن. 1879-يىلى ۋەتەنپەرۋەر شېئىرى «فىلىپپىن ياشلىرىغا» نى ئېلان قىلغان. 1885-يىلى مادرىد داشۆسىدە تىببىي ۋە پەلسەپە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. كېيىن ئۇزۇن مەزگىل ۋەتەنپەرۋەر مۇھاجىرلارنى تەشكىللەش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. تىنچ يول بىلەن ئىسلاھ قىلىشنى تەشۋىق قىلغان. 1892-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. ئۇنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى مانىلا شەھىرىدە فىلىپپىننىڭ مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتى «فىلىپپىن ئىتتىپاقى» قۇرۇلغان. ئۇ قانۇنىي يوللار بىلەن بىرلىكتە كەلگەن مىللىي دۆلەت قۇرۇپ، مىللىي ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى خام خىيال قىلغان. 7-ئاينىڭ 7-كۈنى قولغا ئېلىنغان. كېيىن مىنداناۋ ئارىلىدىكى داپىتان (Dapitan) غا سۈرگۈن قىلىنغان. 1896-يىلى 12-ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن. «ماڭا چېقىلمىسۇن» ۋە «قوزغىلاڭچى» دېگەن ئىككى رومانى بولۇپ، بۇنىڭدا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى چوڭقۇر پاش قىلىنىپ، مىللىي ئاڭنى ئويغىتىشقا تۈرتكە بولغان.

رىسىۋىك سۈلھ شەرتنامىسى

  • رىسىۋىك سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] فرانسىيە بىلەن فرانسىيىگە قارشى ئۇگىسبۇگ ئىتتىپاقى (گوللاندىيە، ئىسپانىيە، شۋېتسارىيە، باۋارىيە، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورلىرى قاتارلىقلار قاتناشقان) نىڭ رىسىۋىك (Risiwijk، ھازىرقى گوللاندىيىنىڭ گائاگا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا) دا ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسى. 1697-يىل 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، فرانسىيە بىلەن گوللاندىيە، ئىسپانىيە، ئەنگلىيە شەرتنامە ئىمزالىغان، 10-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى بىلەن شەرتنامە ئىمزالىغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، فرانسىيە ئورانچىلىق شاھزادە ۋىليامنىڭ ئەنگلىيىنىڭ كورۇلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ئۇرۇش مەزگىلىدە بېسىۋالغان مۇتلەق كۆپ قىسىم زېمىنىنى قايتۇرۇپ بەرگەن، بىراق ستراسبۇرگنى ساقلاپ قالغان. گوللاندىيە دۇنيا سودىسىدا بىر قاتار ئالاھىدە مەنپەئەتدارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.

رىسېلىيۇ

  • رىسېلىيۇ[يەشمىسى:]Armand Jean du plessis, Duc de Richelieu، 1585 — 1642) فرانسىيە كورۇلى لۇئى Ⅷ نىڭ باش ۋەزىرى (1624 — 1642). يەرلىك ئاقسۆڭەكتىن كېلىپ چىققان. 1607-يىلى لۇسۇن شەھىرى (Lucon، فرانسىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان) نىڭ ئېپىسكوپى بولغان. 1614-يىلى مىسسىئونېرلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقان. 1622-يىلى كاردىناللىققا ئۆستۈرۈلگەن. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە ھوقۇقنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، فرانسىيىنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمرانى بولۇپ قالغان. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىشكە تىرىشقان. خۇگىنو تەرەپدارلىرىدىكى ئاقسۆڭەكلەر «نانت پەرمانى» غا ئاساسەن فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا نۇرغۇن قەلئەلەرگە ئىگە بولۇپ، پادىشاھلىق ھاكىمىيەت بىلەن قارشىلىشىپ، «دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت» بولۇپ شەكىللەنگەن. 1628-يىلى ئۇ قوشۇنلارغا بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىپ، خوگىنوچىلارنىڭ مۇھىم تايانچ پونكىتى بولغان لا-روشېل (La Rochella) نى ئىشغال قىلغان. ئىككىنچى يىلى خوگىنوچىلارنى بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ئىمتىيازدىن مەھرۇم قىلغان. ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن «تونلۇق ئاقسۆڭەك» (ئاقسۆڭەكلەشكەن بۇرژۇئازىيە) تىن ئەمەلدارلارنى تاللاپ، ئۇلارغا مۇھىم ۋەزىپە يۈكلىگەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە مەمۇرىيەت، ئەدلىيە ۋە مالىيە جەھەتتە چوڭ ھوقۇققا ئىگە ئەمەلدارلارنى ئەۋەتىپ، يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆلكە باشلىقى بولۇۋالىدىغان ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە سودا-سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇش، سودا شىركەتلىرىنى قۇرۇش، مۇستەملىكىچىلىك تالان-تاراج قىلىش ئىشلىرىغا مەدەت بەرگەن. گېرمانىيىدىكى پروتېستانت بەگلىرى ۋە گوللاندىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خابىسبۇرگ خاندانلىقىغا قارشى تۇرۇشنى قوللىغان؛ 1635-يىلى 30 يىللىق ئۇرۇش (1618 — 1648) قا رەسمىي قاتناشقان. باجنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، خەلقنىڭ يۈكى ئېغىرلاشقانلىقتىن كروچۇئانتىس قوزغىلىڭى، يالاڭئاياغلار قوزغىلىڭى قاتارلىق قوزغىلاڭلار ئارقا-ئارقىدىن كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى باستۇرۇلغان.

رىسىششا

  • رىسىششا[يەشمىسى:]ئىرادىلىكلەر ئۇيۇشمىسى) ياپونىيىدە ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى مەزگىلىدىكى ئاساسلىق سىياسىي تەشكىلات. 1874-يىلى 4-ئايدا كوچىدا قۇرۇلغان. رەھبەرلىرى ئىتاگاكى تائىسۈكى، كاتائو كا كىنكىچى (1843 — 1903، ئۇيۇشما رەئىسى) قاتارلىقلار، ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئەسلىدىكى توسا ۋاسساللىقىنىڭ سامۇرايلىرىدىن ئىبارەت. قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغلاردا ۋاسساللىقىنىڭ كەمبەغەللىرىنى پائال قۇتقۇزۇپ، خەلق ھوقۇقى ئىدىيىسىنى تىرىشىپ ئومۇملاشتۇرغان. 1875-يىلى، ۋەتەنپەرۋەرلەر ئۇيۇشمىسى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1877-يىلى پارلامېنت تەسىس قىلىش، يەر بېجىنى يەڭگىللىتىش، شەرتنامىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغان تەكلىپنامىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ۋەتەنپەرۋەرلەر ئۇيۇشمىسىنى قايتا قۇرۇش (1878)، پارلامېنت تەسىس قىلىشنى مۇراجىئەت قىلىش ھەرىكىتىنى (1880) ئۇيۇشتۇرۇش ۋە لىبېرالىستلار پارتىيىسى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ئىشلىرىدا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان. ئەمما خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يېيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ لىبېرالىستلار پارتىيىسىنى تارقىتىۋېتىشنى ھەدەپ تەشەببۇس قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنقىلابىي تەلەپلىرىدىن يۈز ئۆرىگەن. 1883-يىلى كاينان نامىنى لىبېرالىستلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتكەن.

رىف جۇمھۇرىيىتى

  • رىف جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:] ماراكەشنىڭ رىف (Rif) رايونىدىكى قەبىلىلەرنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى كۈرەش داۋامىدا قۇرغان ئىتتىپاقى. 1912-يىلى ماراكەش مۇنقەرز بولۇپ، فرانسىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان. شىمالىي قىسمى ئىسپانىيىگە تەۋە بولۇپ، 1912-يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنلىرى رىف رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن. كېرىم ھەرقايسى قەبىلە خەلقىغە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسپانىيە قوشۇنلىرىغا قايتۇرما زەربە بەرگەن. 7-ئايدا ئاننۇئال (Annual) دا ئىسپانىيە قوشۇنىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان. 9-ئايدا 12 قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ، بۇنى مىللىي پارلامېنت دەپ ئېلان قىلغان. 19-كۈنى رىف جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، كېرىمنى زۇڭتۇڭ قىلىپ سايلىغان. جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي بىرلىكى يەنىلا قەبىلىنى ئاساس قىلغان. يولباشچىلىرى يەنىلا قەبىلە باشلىقلىرى بولغان. مۇستەملىكىچىلەرنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن، جۇمھۇرىيەت ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىپ، مۇنتىزىم ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىققان. 1824-يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. شۇ يىلى يازدا فرانسىيە ئارمىيىسى ئۇرگا دەريا جىلغىسىنى بېسىۋالغان. 1925-يىلى فرانسىيە-ئىسپانىيە بىرلىشىپ رىف جۇمھۇرىيىتىنى قامال قىلىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان. 1926-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى كېرىم فرانسىيە ئارمىيىسىگە تەسلىم بولغان. كېيىن رىئونىئون ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. شۇنداقتىمۇ پارتىزانلىق ئۇرۇشى بىرنەچچە ئاي داۋام قىلغان.

رىكاردو

  • رىكاردو[يەشمىسى:]David Ricardo، 1772 — 1823) ئەنگلىيە كلاسسىك ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىي ئېقىمى ۋەكىللىرىدىن بىرى. 20 يېشىدىن تارتىپ سودا ساھەسىگە كىرىپ، ئاكسىيە بىدىكلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي بېيىغان. كېيىن ئىقتىساد نەزەرىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1799-يىلى ئۇ ئادام سىمىتنىڭ «مىللىي بايلىق توغرىسىدا» ناملىق كىتابىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مەخسۇس سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشكەن. 1817-يىلى ئۆزىنىڭ مۇھىم ئەسىرى — «سىياسىي ئىقتىساد ۋە باج-سېلىق پرىنسىپلىرى» نى ئېلان قىلىپ، ئادام سىمىتنىڭ نەزەرىيىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغان. بىراق ئەمگەك قىممىتى، قوشۇمچە قىممەت ۋە ئوتتۇرىچە پايدا نەزەرىيىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان زىددىيەتنى ھەل قىلالمىغان ھەمدە «تۆمۈر ئىش ھەققى قانۇنى» دىن ئىبارەت خاتا نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1819-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، ئەينى زاماندىكى ئەنگلىيە سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، پارلامېنت ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان، «ئاشلىق قانۇنى» غا قارشى چىقىپ، ئەركىن سودىنى تەرغىپ قىلغان.

رىكاسولى

  • رىكاسولى[يەشمىسى:]Bettino Ricasoli، 1809 — 1880) ئىتالىيە باش ۋەزىرى (1861 — 1862،1866—1867). توسكانادىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، دەسلەپ ھۈرىيەتچى بولغان. 1847-يىلى «ۋەتەن» گېزىتىنى چىقارغان. كېيىن 1848 — 1849-يىللاردىكى ئىنقىلابقا پائال قاتناشقان. توسكانا ئازادلىق ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، يېزىغا قايتىپ كەتكەن. 1859-يىلى يەنە بىر قېتىم توسكانا ئازادلىق ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مەزكۇر بەگلىكنىڭ ئىستىبداتى بولۇۋالغان (1859 — 1860). توسكانا بىلەن ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ بىرلىشىشىگە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، 1860-يىلى 3-ئايدا ئىككى دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1860 — 1861-يىللىرى توسكانانىڭ باش ۋالىيسى بولغان. باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىتالىيىنى 59 ئۆلكىگە بۆلۈپ، ئۆلكە باشلىقىنى مەركەزدىن تەيىنلەشنى يولغا قويغان. پېمونت ئاساسىي قانۇنى بىلەن مەمۇرىي نىزامنى يولغا قويغان، ۋېنىتسىيىنى قايتۇرۇۋالغان؛ مەنىۋى ۋاسىتە ئارقىلىق رىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشقان، ئەركىن چېركاۋ قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، سىياسىي ساھەدىن ئايرىلغان.

رىكوۋ

  • رىكوۋ[يەشمىسى:]Алексей Иванович РьΙков، 1881 — 1938) سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسى. ساراتوۋدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، سانائەت رايونلىرىدا ئىنقىلابىي تەشۋىق-تەرغىبات ئېلىپ بارغان. 1905-يىلى پارتىيىنىڭ «ئۈچىنچى قۇرۇلتىيى» دا مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1905-يىلدىكى ئىنقىلابقا قاتناشقان. كۆپ قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ سۈرگۈنگە ھەيدەلگەن. روسىيە فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن پېترۇگرادقا قايتىپ كەلگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى بولغان. 1918-يىلى ئالىي خەلق ئىگىلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1923-يىلى سىياسىي بيورۇ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1924-يىلى لېنىن ۋاپاتىدىن كېيىن، خەلق كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. كېيىن يېزا ئىگىلىكىنى كوللېكتىپلاشتۇرۇش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن بوخارىن بىلەن بىرگە پارتىيىگە قارشى گۇرۇھ قىلىپ بېكىتىلگەن. 1930-يىلى خەلق كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. 1931-يىلى قاتناش خەلق كومىسسارى بولغان. 1936-يىلى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 1937-يىلى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1938-يىلى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

رىكسداگ

  • رىكسداگ[يەشمىسى:]Riksdag) شۋېتسىيە پارلامېنتى. سىتېن سىۋانتې سىتۇرىي (Sten Svante Sture، تەخمىنەن 1493 — 1520) نائىبلىق قىلغاندا (1512 — 1520) بەرپا قىلىنغان. ئۇ بۇرۇنقى كورۇل سايلاش يىغىنى. پارلامېنتلىق تۈزۈمىدىكى يىغىن، سىياسىي كېڭەشمە قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بارلىققا كەلگەن. يۇقىرى ۋە تۆۋەن پالاتاغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر ئىككىسىلا باراۋەر قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. پارلامېنت ئەزالىرى خەلق تەرىپىدىن بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك سايلام ئارقىلىق سايلاپ چىقىلغان. يۇقىرى پالاتا (Forsta Kammaren ) نىڭ قەرەلى سەككىز يىل، تۆۋەن پالاتا (Andre Kammaren) نىڭ قەرەلى تۆت يىل بولغان. يۇقىرى پالاتانىڭ ئەزالىرى 150 نەپەر كىشى، تۆۋەن پالاتانىڭ ئەزالىرى 223 نەپەر كىشى بولغان. پارلامېنت ھەر يىلىنىڭ باھار، كۈز پەسلىدە ئىككى نۆۋەت قەرەللىك يىغىن چاقىرغان. 1971-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ بىر پالاتالىق تۈزۈمنى يولغا قويغان بولۇپ، 349 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بولغان. ۋەكالەتلىك مۇددىتى ئۈچ يىل بولغان.

رىگاس

  • رىگاس[يەشمىسى:]Konstanos Rhigas، 1760 — 1798) گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى. شائى-ر. شرستىنودا تۇغۇلغان. ياشلىق دەۋرىدە تۈركىيە ھۆكۈمرانلىققا قارشى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن. 1795-يىلى گرېتسىيىدىكى تۇنجى ۋەتەنپەرۋەر مەخپىي تەشكىلات «ھېترىيە» نى تەشكىللەپ، گرېتسىيىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنىڭ ئەۋىج ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە قوزغىلاڭچىلارنى قورال بىلەن تەمىنلەپ، گرېتسىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە پائال تىرىشقان. ۋېناغا بېرىپ، ئۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان گرېكلەر ۋە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلار ئىچىدە مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن ھەمدە ۋەتەنگە قايتىپ بېرىپ ئىنقىلابقا بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان. كېيىن ئاۋسترىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1798-يىلى ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق «شەرق ۋە غەرب»، «گۈلخانغا مەدھىيە» ناملىق داستانلىرى بار. كېيىنكىسى گرېتسىيىنىڭ «مارسېل مارشى» دەپ ئاتىلىپ كەڭ دائىرىدە تارقالغان، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مىللىي ناخشىلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.

رىگا شەرتنامىسى

  • رىگا شەرتنامىسى[يەشمىسى:] تولۇق ئاتىلىشى «پولشا-روسىيە ۋە ئوكرائىنا تىنچلىق شەرتنامىسى». 1919-يىلى 12-ئايدا پارىژ سۈلھ كېڭىشى پولشا ئىشلىرى كومىسىيىسى پولشانىڭ شەرقىي چېگرا سىزىقى (كېيىن كورزون سىزىقى دەپ ئاتالغان) نى بەلگىلەپ چىققان. پولشا ھۆكۈمىتى 1772-يىلىدىكى چېگرا سىزىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كويىدا بولۇپ، بۇ چېگرا سىزىقىنى ۋە سوۋېت روسىيىسىنىڭ تىنچلىق تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. 1920-يىلى 4-ئايدا پولشا سوۋېت روسىيىسىگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، ئوكرائىنا ۋە بېلوروسىيىنىڭ كەڭ رايونلىرىنى بېسىۋالغان. سوۋېت روسىيىسى قىزىل ئارمىيىسى باتۇرلۇق بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىپ، پولشا ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ۋارشاۋاغا قىستاپ كەلگەن. 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار باش ۋەزىرى كورزون موسكۋاغا تېلېگرام يوللاپ، سوۋېت روسىيىسىنى پولشا بىلەن ئۇرۇش توختىتىش توختىمى تۈزۈشكە تەكلىپ قىلغان. روسىيە ئارمىيىسىنىڭ 1919-يىلى بەلگىلەنگەن پولشا شەرقىي چېگرىسىنىڭ شەرقىدىكى 50 كىلومېترلىق ئورۇندا توختاپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. روسىيە پولشا بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 7-ئاينىڭ 22-كۈنى پولشا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىككى تەرەپ رىگادا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە تىنچلىق شەرتنامىسىگە ئىمزا قويغان. ئىككىنچى يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى رەسمىي ئىمزالىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: كېلىشىم تۈزگەن ئىككى تەرەپ ئوكرائىنا بىلەن بېلوروسىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىش، پولشانىڭ شەرقىي چېگرىسىنى بەلگىلەپ چىقىش. ئوكرائىنا بىلەن بېلوروسىيىنىڭ غەربىي قىسمىنى پولشاغا ئاجرىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت. 1945-يىلى 8-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن پولشا موسكۋادا چېگرا شەرتنامىسى ئىمزالاپ بۇنى مەزكۇر شەرتنامىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. يېڭى شەرتنامىدە قىرىم يىغىنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن پولشا ئوتتۇرىسىدىكى چېگرىنى «كورزون سىزىقى» بويىچە ئاجرىتىش. بىراق مەلۇم جايلاردا بۇ سىزىقتىن تەخمىنەن 5 — 8 كىلومېترچەتلەپ، پولشاغا ئاجرىتىپ بېرىش دەپ بەلگىلەنگەن.

رىگۇل

  • رىگۇل[يەشمىسى:]Raoul - Georges Adolphe Rigault، 1846 — 1871) 1871-يىلىدىكى فرانسىيە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى. بلانكسىت. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە بلانكسىتلارغا يېقىنلاشقان. ئىنقىلابىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. 1870-يىلى 31-ئۆكتەبر قوزغىلىڭى ۋە1871-يىل 22-يانۋار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1871-يىلى 18-مارت پارىژ ئىشچىلىرى قوزغىلىڭىدىن كېيىن، مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ساقچى ئىدارىسىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان ھەمدە كوممۇنا ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. كېيىن ئامانلىقنى ساقلاش كومىتېتى ئەزاسى، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە كوممۇنا تەپتىش باشلىقى بولغان. ئۇ، ۋېرسالچىلارغا قارىتا ئىنقىلابىي تېررورلۇق سىياسىتىنى يولغا قويۇش ۋە دىنىي ھاكىمىيەت تەرەپدارلىرىغا زەربە بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. «ماي قانلىق ھەپتىسى» كۈرىشىدە، تۇتقۇن قىلىنىپ، 5-ئاينىڭ 24-كۈنى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

رىلېۋ

  • رىلېۋ[يەشمىسى:]Кондратий Φёдорович Рылеев، 1795 — 1826)، روسىيىلىك دېكابرىست، شائىر. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. پېتربۇرگتىكى بىرىنچى ھەربىي تەييارلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇش (1814 — 1815) قا قاتناشقان. ھەربىي سەپتىن قايتقاندىن كېيىن پېتربۇرگ جىنايى ئىشلار سودىدا زاسېداتىل بولغان (1821). 1823-يىلى دېكابرىستلارنىڭ شىمال جەمئىيىتىگە قاتنىشىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ رەھبىرىگە ئايلانغان ھەمدە بېستۇژېۋ (Николай Александрович Бестужев، 1791 — 1855) بىلەن بىرلىكتە «قۇتۇپ يۇلتۇزى» ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، دېكابرىستلارنىڭ ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان. 1825-يىل 12-ئاينىڭ 14-كۈنى پېتربۇرگ كېڭەش پالاتاسى مەيدانىدىكى قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، دارغا ئېسىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىتلىك تۈزۈمىگە بولغان ئۆچمەنلىك ۋە خەلققە بولغان مۇھەببەت بىلەن تولغان. ئاساسلىق شېئىرلىرى «ئەتىۋارلىق ۋەزىرگە»، «پۇقرا»، «روگىنيۇدا»، «ئىۋان سوسانىن» ۋە داستان «ۋوينا روۋىسكى»، «نالىۋايكو» (تۈگىمىگەن) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

رىم (قەدىمكى زامان)

  • رىم (قەدىمكى زامان)[يەشمىسى:]Roma) قەدىمكى ئىتالىيىدىكى تىبر دەرياسى بويىدىكى بىر شەھەر، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى قۇللۇق تۈزۈمدىكى ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا مىلادىدىن 754 — 753 يىل ئىلگىرى رومۇلوس رىم شەھىرىنى بىنا قىلىشقا كىرىشىپ، پادىشاھلىق دەۋرنى باشلىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئالتىنچى پادىشاھ سېرۋىي تۇللىي ئىسلاھاتىدىن كېيىن، سىنىپىي جەمئىيەتكە ئۆتۈپ، قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت شەكىللەنگەن. مىلادىدىن 510 يىل ياكى 509 يىل ئىلگىرى پادىشاھلىق دەۋر ئاياغلاشقان، سېنتۇرىيە(100 كىشىلىك ئۆمەك، Centuria) ھەر يىلى ئىككى نەپەر كونسۇل سايلاپ، ھەربىي ۋە باشقا مەمۇرىي ئىشلارنى باشقۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، ئاددىي خەلق بىلەن ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش دەرىجە چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىغان، ئاددىي خەلقلەرمۇ مۇھىم مەنسەپ (بىر نەپەر كونسۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)لەرنى ئۆتەيدىغان بولغان ھەمدە ترىبۇنلار (خەلق پاسىبانلىرى)نى تەسىس قىلىپ ئاددىي خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغان؛ سىرتقا قارىتا بىر قاتار ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنى ئاساسىي جەھەتتىن بويسۇندۇرغان ھەمدە بىرلىككە كەلتۈرگەن. سېنات كەڭ كۆلەمدىكى ھەربىي مەمۇرىي ھوقۇقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىشتا سىياسەت بەلگىلەيدىغان ئورگان بولغان. مىلادى- دىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، پونىي ئۇرۇشى، ماكېدونىيە ئۇرۇشى قاتارلىق كۆپ قېتىملىق ئۇرۇش ئارقىلىق كارفاگېن (شىمالىي ئافرىقا)، ماكېدونىيە، يۇنان ۋە ئىسپانىيىنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىنى بېسىۋىلىپ، بۇ جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە مەمۇرىي ئۆلكە تەسىس قىلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. قۇللارنىڭ ئەمگىكىنى ئاساس قىلغان چوڭ ئېمىنىيە (لاتىفۇندىيە) تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئىتالىيىنىڭ دېھقانچىلىق، سودا-سانائەت ۋە شەھەرلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دېھقانلار كۆپلەپ ۋەيران بولۇپ، ماكانسىز پرولېتارلارغا ئايلىنىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەت كەسكىنلەشكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە «ئىچكى ئۇرۇش» دەۋرى دەپ ئاتالغان. قۇللارنىڭ قۇلدارلارغا قارشى قوزغىلىڭى بولغان. مەسىلەن، سىتسىلىيە قۇللار قوزغىلىڭى ۋە سپارتاك قوزغىلىڭى؛ ۋەيران بولغان دېھقانلارنىڭ چوڭ يەر مۈلۈكچىلىكىگە قارشى ھەرىكىتى يۈز بەرگەن، مەسىلەن، ئاكا-ئۇكا گراككۇ ئىسلاھاتى؛ ھوقۇقسىزلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشى بولغان، مەسىلەن، ئىتتىپاقچىلار ئۇرۇشى؛ شۇنىڭدەك قۇلدارلار سىنىپىنىڭ ئىچكى قىسمىدا رىتسارلار بىلەن سېناتورلارنىڭ كۈرىشى بولغان، بۇ كۈرەشلەر ئۈزۈلمەي كۆتۈرۈلۈپ، ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. سۇللانىڭ ھاكىممۇتلەقلىكى، بىرىنچى قېتىملىق ئۈچلەر ئىتتىپاقى ۋە كائېسارنىڭ ھاكىممۇتلەقلىكىدىن. ئىككىنچى قېتىملىق ئۈچلەر ئىتتىپاقى ۋە ئاۋگۇست (ئوكتاۋىئان)دۆلەت باشلىقلىق سىياسىي (پىرىنسىپات تۈزۈمى) تۈزۈمىنى ئورناتقىچە بولغان مەزگىلدە رىم ئىمپېرىيىسى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. ئاۋگۇستنىڭ ھۆكۈمرانلىقى (مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرى مىلادى 14-يىلىغىچە) ئېلىپ كەلگەن «رىمنىڭ تىنچلىقى»، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. داۋاملىق سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلغان، ئانتونىن خاندانلىقى (مىلادى 96 — 192) دەۋرىدە رىمنىڭ زېمىنى تازا كېڭىيىپ، غەربتە برىتانىيە، ئىسپانىيىگىچە، شەرقتە ئېفرات دەرياسىغىچە، جەنۇبتا ئافرىقىنىڭ شىمالىغىچە، شىمالدا رېين دەرياسى، دۇناي دەرياسى ئەتراپلىرىغىچە يەتكەن. ئوتتۇرا دېڭىز ئىمپېرىيىسىنىڭ «ئىچكى كۆلى»گە ئايلانغان؛ سودىگەرلەر توپلانغان بولۇپ، ھەممە جايغا ئۆتەڭلەر سېلىنغان، «رەت-رەت يوللار رىمغا تۇتاشقان». مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خرىستىئان دىنى پەيدا بولۇپ، Ⅱ،Ⅲ ئەسىرلەردە تېز تارقالغان، رىم ھۆكۈمرانلىرى دەسلەپتە خرىستىئان دىنىغا زىيانكەشكلىك قىلغان، كېيىن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ،Ⅳ ئەسىردە ئۇنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن. مىلادى Ⅲ ئەسىردە قۇللۇق تۈزۈم ئىگىلىكى ۋە سىياسىي كرىزىسىگە پېتىپ قېلىپ، بېقىندى دېھقان تۈزۈمى فېئوداللىق ئامىل سۈپىتىدە كۈنسايىن كۆپەيگەن. ئارمىيە زوراۋانلىق قىلىپ، پادىشاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تىكلەش ئىشلىرىغا ئارىلاشقان، ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئىمپېرىيە سىياسىي قالايمىقانچىلىق ئىچىدە ئاياغلاشقان. مىلادى 284-يىلى دىئوكلېتىئان پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقى (پادىشاھلىق تۈزۈم dominat —)نى ئورناتقان، كېيىنكى مەزگىلدىكى ئىمپېرىيە دەۋرى باشلانغان. كونستانتىن تەختتە ئولتۇرغان (مىلادى 306 — 337) مەزگىلدە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پايتەختنى شەرقتىكى ستراتېگىيىلىك مۇھىم جاي كونستانتىنوپول (ۋىزانتىيە)گە كۆچۈرگەن. ئىمپېرىيىنىڭ زۇلۇمى ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىسى كەڭ كۆلەملىك خەلق قوزغىلاڭلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، گاللىيە رايونىدىكى باگائۇدا ھەرىكىتى، شىمالىي ئافرىقىدىكى ئاگونىست ھەرىكىتى رىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قاتتىق زەربە بەرگەن. 395-يىلى پادىشاھ تېئودوسىي ئۆلگەندىن كېيىن، ئىمپېرىيە ئاخىرى شەرقىي ۋە غەربىي رىم دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. غەربىي يېرىم قىسمىدا ئۇدا بىرقانچە يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقى بىلەن ئىگىلىك خارابلىشىپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ ئالاقىسى بوشىشىپ قالغان، ھۆكۈمرانلىقمۇ كۈنسايىن ئاجىزلاشقان. سىرتتىن كەلگەن گېرمانلار كەينى-كەينىدىن چېگرىغا كىرگەن، كۆپلىگەن «ۋارۋارلار» رىم ئارمىيىسىگە قاتناشقان. مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا غەربىي گوتلار دۇناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، 376-يىلى رىمغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، رىمنىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. مىلادى 395-يىلدىن كېيىن، ئۇلار يەنە ئىتالىيىگە قوشۇن تارتىپ، 410-يىلى قۇللارنىڭ ماسلىشىشى ئاستىدا «مەڭگۈلۈك شەھەر» رىمنى بىر مەھەل ئىشغال قىلغان؛ كېيىن گاللىيىگە ۋە ئىسپانىيىگە كىرىپ، غەربىي گوت پادىشاھلىقىنى قۇرغان. دېڭىزدىن ئۆتۈپ شىمالىي ئافرىقىغا كىرىپ، ۋاندال پادىشاھلىقىنى قۇرغان ۋانداللار 455-يىلى ئىتالىيىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، رىم شەھىرىنى يەنە ئىشغال قىلىپ، بۇلاپ-تالاپ ۋەيران قىلىۋەتكەن. غەربىي رىمنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە رىم شەھىرىدىن راۋېنناغىچە بولغان بىر پارچە زېمىنلا قېپقالغان. مىلادى 476-يىلى پادىشاھ رومۇل ئاۋگۇستۇل گېرمانلارنىڭ ھەربىي يولباشچىسى ئودوئاكر تەرىپىدىن بىكار قىلىنىپ، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى مۇنقەرز بولغان (شەرقىي رىم ياكى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى 1453-يىلغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان)؛ بۇ ۋەقە تارىخ تۈزۈش ئىلمىدە، دائىم قۇللۇق تۈزۈم ئاياغلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى قىلىنىدۇ. قەدىمكى رىم دەۋرىدە مەدەنىيەت جەھەتتە نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەر بارلىققا كەلگەن، بولۇپمۇ بىناكارلىق، قانۇنشۇناسلىق ۋە لاتىن تىلى قاتارلىقلارنىڭ كېيىنكى دەۋرىدىكى غەربكە كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى زور بولغان. «رىم مەدەنىيىتى (قەدىمكى زامان)»گە قاراڭ.

رىم پرولېتارلىرى

  • رىم پرولېتارلىرى[يەشمىسى:] قەدىمكى رىمدىكى ئەركىن خەلقلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمى. «پرولېتار» لاتىن يېزىقىدىكى Proletarius نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، بۇنىڭدىن «پرولېتارىيات» كېلىپ چىققان. رىم «پادىشاھلىق دەۋرى»دىكى سېرۋىي توللىي ئىسلاھاتى ۋاقتىدا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى)، ئۇلار پۇقرالارنىڭ بەش تەبىقىسىنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلمىگەن. ئۇلارنىڭ يېرى ۋە مال-مۈلكى يوق بولۇپ، باج تاپ-شۇرمىغان، پرىنسىپ جەھەتتە ھەربىي خىزمەتمۇ ئۆتىمىگەن (رىم ئەسكەرلىككە ئالغاندا ئەسكەرلەر قورالنى ئۆزى تەييارلايتتى). مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىن باشلاپ رىمنىڭ سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىشى، قۇل ئىشلىتىدىغان چوڭ ئېمىنىيە (لاتىفوندىيە)لەرنىڭ تەدرىجىي شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەركىن خەلقلەر ئارىسىدىكى باي-كەمبەغەللىككە بۆلۈنۈش كۈچىيىپ، ۋەيران بولغان دېھقانلار كۆپلەپ پرولېتارلارغا ئايلانغان. ئۇلار ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانماي، دائىم رىم شەھىرىگە يىغىلىپ، دۆلەتنىڭ ماددىي ياردىمىگە ۋە بايلارنىڭ سەدىقىسىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلغان؛ پۇقرالىق سايلام بېلىتىنى سېتىپ، دائىم سىياسەتۋازلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلگەن. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە ئىمپېرىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە كەلگەندە، «بولكا ۋە سېرىك» قوغلىشىدىغان جەمئىيەتنىڭ بۇنداق پارازىت قاتلىمىنىڭ سانى 100 مىڭ كىشىگە يەتكەن. ئۇلار بىلەن يېقىنقى زامان پرولېتارىياتى پەرقلىنىدۇ. ئۇلار ئادەتتە «كۆچمەن پرولېتارلار» ياكى «ليومپېن پرولېتارلار»دەپ ئاتىلىدۇ.

رىم تارىخى

  • رىم تارىخى[يەشمىسى:] كىتاب نامى (1)«ئومۇمىي تارىخ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى يۇنانلىق تارىخشۇناس پولىبىينىڭ ئەسىرى. جەمئىي 40 توم. ئاساسەن رىمنىڭ سىرتقا قوراللىق كېڭەيمىچىلىك قىلىش جەريانى بايان قىلىنغان. ئالدىنقى ئىككى تومى «مۇقەددىمە» بولۇپ، بىرىنچى قېتىملىق پونىي ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى تارىخ بايان قىلىنغان؛ كېيىنكى 38 تومى ئاساسىي قىسمى بولۇپ، ئىككىنچى قېتىملىق پونىي ئۇرۇشىدىن كارفاگېننىڭ مۇنقەرز بولۇشى ۋە يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ بويسۇندۇرۇلۇشىغىچە، يەنى مىلادىدىن 218 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتتىن مىلادىدىن 146 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقىچە بولغان تارىخ خاتىرىلەنگەن. ئۇ ئومۇمىي تارىخ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئەسەر. تارىخىي ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن؛ تارىخىي ۋەقەلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئىزدەشكە ئۇرۇنغان ھەمدە رىمنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات جەريانى مەخسۇس بابلار ئارقىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان. لېكىن ئەدەبىيلىكى ئادەتتىكىدەك بولغاچقا تارقىلىشى كەڭ بولمىغان. ھازىرغىچە بىرىنچى تومىدىن 5-تومىغىچە ۋە بەزى پارچىلىرى ساقلىنىپ قالغان (2) تولۇق ئاتىلىشى «شەھەر بولۇپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى رىم تارىخى». قەدىمكى رىم تارىخشۇناسى لىۋىينىڭ ئەسىرى. جەمئىي 142 توم. ئاپتور 30 ياش ۋاقتىدىن تارتىپ ئەسەرنى يېزىشقا باشلاپ، ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندىلا تاماملاپ بولغان. بۇ كىتاب مىلادى Ⅶ ئەسىرگىچە بېجىرىم ساقلانغان، كېيىن ئۇرۇش مالىمانچىلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن كۆپ قىسمى يوقاپ كەتكەن، ھازىرغىچە بىرىنچى تومدىن 10-تومغىچە، 21-تومدىن 45-تومغىچە جەمئىي 35 توم ۋە بەزى پارچىلىرى ساقلىنىپ قالغان. رىم شەھىرى قۇرۇلغاندىن (مىلادىدىن 754 يىل ياكى 753 يىل ئىلگىرى) تارتىپ درۇسۇ ئۆلگەنگە قەدەر (مىلادىدىن 9 يىل ئىلگىرى)بولغان مەزگىلدىكى تارىخ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، قەدىمكى زاماندىن ھازىرغىچە ئارىلاشتۇرۇپ يېزىلغان يەتتە-سەككىز يۈز يىللىق ئومۇمىي تارىخ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىتابتا رىملىقلارنىڭ ئېگىلمەس-سۇنماس، قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئىگىلىك يارىتىش روھى تازا مەدھىيىلىنىپ، كېيىنكىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىلگەن. ئاپتورنىڭ ئۇسلۇبى راۋان، بايان قىلىشى جانلىق بولۇپ، ئەسەرنىڭ ئەدەبىي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، ئەنگلىيىلىك شائىر بايرون ئۇنى «جانلىق رەسىملەر توپلىمى» دەپ ئاتىغان. گەرچە ئەسەردە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان جايلار بولسىمۇ، ئەمما قەدىمكى رىم تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم قەدىمىي كىتاب ھېسابلىنىدۇ. (3) مىلادى Ⅱ ئەسىردە ئۆتكەن قەدىمكى رىم تارىخشۇناسى ئاپپىئان يازغان كىتاب. جەمئىي 24 توم. يۇنان يېزىقىدا يېزىلغان. رىمنىڭ «پادىشاھلىق دەۋرى» دىن باشلاپ، مىلادى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرى ترايان تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىگىچە بولغان 900 يىلغا يېقىن تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قەدىمكى رىمنىڭ ئومۇمىي تارىخ ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرغىچە ئىسپانىيە تارىخى، گاننىبال ئۇرۇشى تارىخى، پونىي ئۇرۇشى تارىخى، ئىللىرىيە تارىخى، سۈرىيە تارىخى، مىترىدات ئۇرۇشى تارىخى ۋە ئىچكى ئۇرۇش تارىخى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 تومى ساقلىنىپ قالغان. باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىپ تۈزگەن كىتابلىرىنىڭ بىرقانچە مۇھىم پارچىلىرى تېخىچە ساقلانغان.باشتىن-ئاياغ بايان قىلىش ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ، مەلۇم بىر دۆلەت ياكى مەلۇم بىر چوڭ ۋەقەنى تېما قىلىپ، ئۇنى باشتىن-ئاخىر بايان قىلغان. ئاپتور تارىخىي ۋەقە يۈز بېرىشتىكى ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئارقا كۆرۈنۈشنى تەكشۈرۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، يەر مەسىلىسى رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسىي سەۋەب ئىكەنلىكىنى توغرا كۆرسەتكەن. بۇ كىتاب يەنە يوقىلىپ كەتكەن بىرمۇنچىلىغان ئەسەرلەرنى ساقلاپ قالغان. بۇ كىتاب قەدىمكى رىم تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بار.

رىم تارىخىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئۈستىدە تەتقىقات

  • رىم تارىخىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئۈستىدە تەتقىقات[يەشمىسى:] «كېلىپ چىقىش مەنبەسى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. كىتاب نامى. قەدىمكى رىم سىياسىئونى ۋە يازغۇچىسى چوڭ كاتو يازغان ئەسەر. جەمئىي يەتتە توم. بۇ كىتاب يوقىلىپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت باشقا كلاسسىك يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۇنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئالدىنقى ئۈچ تومىدا رىم ۋە باشقا ئىتالىيە شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى بايان قىلىنغان، كېيىنكى تۆت تومىدا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق پۇنىي ئۇرۇشىنىڭ جەريانى ۋە يازغۇچىنىڭ ئەينى زاماندىكى ئىشلىرى بايان قىلىنغان. كىتابتا ھېكمەتلىك سۆزلەر ۋە مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تارىخقا يېزىپ قالدۇرۇلمىغان ۋەقەلىرى كۆپ. يازغۇچى بۇ ئەسەرنى يېزىشتا ئالدىنقى كىشىلەرنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرى ئارقىلىق ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارغا نەسىھەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ كىتاب قەدىمكى رىمنىڭ لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان ئەڭ دەسلەپكى تارىخ ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.

رىم جۇمھۇرىيىتى

  • رىم جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:]1) تارىخشۇناسلىق ئەنئەنىسى بويىچە ئادەتتە مىلادىدىن 754 يىل ياكى 753 يىل ئىلگىرىكى يىلدىن مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرىكى يىلغىچە بولغان رىم قۇللۇق تۈزۈم دۆلىتىنى كۆرسىتىدۇ. «رىم (قەدىمكى زامان)» غا قاراڭ. (2) 1143 — 1155-يىللىرى رىم سودىگەرلىرى، قول سانائەتچىلىرى ۋە ئۇششاق رىتسارلىرى قۇرغان جۇمھۇرىيەت. 1147-يىلى ئۇلار مىسسونېر ئارنولدنى رەھبەر قىلىپ سايلىغان، ئۇلار پاپانىڭ دەھرىي ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، دىنىي جەمئىيەتنىڭ مال-مۈلۈككە ئىگە بولۇشىغا قارشى تۇرغان ھەمدە خەلق پارلامېنتى، سېنات تەسىس قىلىپ، تېرىبونى تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. كېيىن ئىچكى قىسىمدىن پارچىلىنىپ كەتكەن، سودىگەرلەر ئارنولدقا ئاسىيلىق قىلغان، ئۇ 1155-يىلى ئىتالىيىگە بېسىپ كىرگەن گېرمانىيە كورۇلى فرېدرىخ Ⅰ تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، رىم پاپاسىنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن، جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيىتى ئاياغلاشقان. (3) 1347-ۋە 1354-يىللىرى رىم شەھەر خەلقى قۇرغان جۇمھۇرىيەت. پاپا ئاۋىگنون (Avignon) دا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، رىم قول سانائەتچىلىرى ۋە ئۇششاق سودىگەرلىرى فېئوداللارنىڭ زوراۋانلىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، 1347-يىلى رىئېنسونىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغان. يېڭى ھاكىمىيەت ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، رىمنى مەركەز قىلىپ ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرمەكچى بولغان. كېيىن باجنى كۆپەيتكەنلىكتىن ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇ يىلى رىئېنسو فېئوداللار تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1354-يىلى رىئېنسو رىمغا قايتىپ كېلىپ، ھاكىمىيەتنى قايتىدىن تارتىۋالغان. لېكىن كۆپ ئۆتمەي فېئوداللار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. (4) 1798-يىلى فرانسىيە تەپتىش ھۆكۈمىتى ئارمىيىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا پاپا دۆلىتىنىڭ زېمىنىدا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت بولۇپ، 1799-يىلى ئاغدۇرۇلغان. (5) 1849-يىلى 3-ئايدا پاپا دۆلىتىنىڭ زېمىنىدا قۇرۇلغان بۇرژۇئا دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت. شۇ يىلى 6-ئايدا ئاغدۇرۇلغان.

رىمدىكى سېرك مەيدانى

  • رىمدىكى سېرك مەيدانى[يەشمىسى:] يەنى كولوسسېئۇم (Colosseum) سېرك مەيدانى. كولوسسېئۇم لاتىنچە «كاتتا (بىنا)» دېگەن مەنىدە بولۇپ، رىمدىكى يۇمىلاق چوڭ تىياتىرخانا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىدە، تەخمىنەن مىلادى 70 — 82-يىللىرى ئارىلىقىدا ياسالغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، پادىشاھ ۋىسپاسئان بىلەن تىتوس يەھۇدىي ئۇرۇشىدا قازانغان غەلىبىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ياساتقان بولۇپ، رىمدىكى يۇمىلاق تىياتىرخانىلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ھېسابلىنىدۇ. تىياتىرخانا ئېللىپس شەكلىدە سېلىنغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 188 مېتر، كەڭلىكى 156 مېتر، تاشقى تېمىنىڭ ئېگىزلىكى 5.48 مېتر كېلىدۇ؛ ئۈچ قەۋىتىدە ئەگمە پېشايۋان بار، ھەربىر قەۋىتىدە 80 ئەگمە، تۆت ئەتراپىدا كۆرۈش سۇپىسى، تىياتىرخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا سەھنە بار. دائىرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 524 مېتر كېلىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە ئىش بېجىرىدىغان، نەرسە-كېرەكلەرنى ساقلايدىغان، ھايۋانلارنى سولايدىغان ۋە گىلادىئاتۇرلار تۇرىدىغان يەر ئاستى ئۆيلىرى بار. رىم قۇلدارلىرى دائىم نەچچە مىڭلىغان گىلادىئاتۇرلارنى يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن بۇ جايدا ئېلىشىپ قان تۆكۈشكە مەجبۇر قىلىپ، تاماشا كۆرۈپ، كۆڭۈل ئاچقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا سەھنىگە سۇ قويۇپ كۆل قىلىپ، «دېڭىز ئۇرۇشى» غا دائىر ماھارەتلەرنى كۆرسەتكىلى بولىدىكەن، «جەڭ كېمىلىرى»نى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان مەخسۇس كرانلار ئورنىتىلغانىكەن. تىياتىرخانىغا 45 مىڭ (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە 80 مىڭ)تاماشىبىن سىغىدۇ. خاتىرىلىنىشىچە ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئېلىشىش پائالىيىتى مىلادى 404-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن. كېيىن يەر تەۋرەش ۋە چاقماق سوقۇشقا ئۇچراپ، پەيدىنپەي ئىشلىتىلمىگەن، ھازىر ئۇنىڭ خارابىسى ساقلانماقتا.

رىمدىكى يەتتە پادىشاھ

  • رىمدىكى يەتتە پادىشاھ[يەشمىسى:] قەدىمكى رىمنىڭ پادىشاھلىق دەۋرى (مىلادىدىن ئىلگىرى 753 — 509) دە ئۆتكەن يەتتە پادىشاھ («رېكس»)كەينى-كەينىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن، ئۇلار: رومۇلۇس (Romulus)، نۇما پومپىلىي (Numa Pompilius)،تۇللۇ خوستىلىي(Tollus Hostilius)، ئانكۇ مارىسىئۇ(Ancus Marcius)، تاركۋىنىي پرىس-ك (Tarquinius Priscus)، سېرۋىي تۇللىي (Servius Tullius)، تاركۋىنىي سۇپېرب (Tarquinius Superbus) تىن ئىبارەت. ئادەتتە، كېيىنكى ئۈچ پادىشاھ ئېترۇرىيەلىك دەپ ھېسابلىنىدۇ.

رىمدىكى يەتتە تۆپىلىك

  • رىمدىكى يەتتە تۆپىلىك[يەشمىسى:]Septimontium) رىم شەھىرى كېلىپ چىققان جاي. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رىمنىڭ قەدىمىي شەھىرى دەسلەپتە مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە تىبر دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ سول قىرغىقىدا بولۇپ، لاتىئوم چېگرىسىدىكى يەتتە تۆپىلىك يەنى پالاتىن (Palatine)، كاپىتولىن (Capitoline)، ئاۋېنتىن (Aventine)، كۇيرىنال (Quirinal)، ۋىمىنال (Viminal)، ئېسكۇيلىن (Esquiline)، كائېلىئان (Caelian) بىرلەشتۈرۈلۈپ بىنا قىلىنغان. رىم شەھەر رايونى كېيىن يەنە داۋاملىق كېڭەيتىلگەن.

رىمدىكى يېڭى ئاقسۆڭەكلەر

  • رىمدىكى يېڭى ئاقسۆڭەكلەر[يەشمىسى:] يەنى «دۆلەتمەن ئاقسۆڭەكلەر».

رىم قانۇنلىرى

  • رىم قانۇنلىرى[يەشمىسى:] قەدىمكى رىم قۇللۇق تۈزۈم دۆلىتىدىكى قانۇنلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئاتىلىشى. رىمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يازما قانۇنلىرى بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۈزۈلگەن 12 مىس تاختا قانۇنى، شۇنداقلا بۇرۇنقى تۈرلۈك ئادەت قانۇنلىرىنىڭ توپلىمى. رىم دۆلىتىنىڭ كېڭىيىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، قۇلدارلار سىنىپىي ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش ۋە ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مال-مۈلكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قانۇننىڭ مەزمۇنى ۋە قائىدىلىرىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرغان ۋە سىستېمىلاشتۇرغان. پۇقرالارنىڭ ئەرز ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان چوڭ سودىيىلەر (كېسىم ھۆكۈم قىلغۇچىلار)ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇش، چىقارغان ھۆكۈم، سېنات ۋە ترىبۇس (پۇقرالار كېڭىشى) ماقۇللىغان تۈرلۈك قارارلار جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى قانۇنلارنىڭ مەنبەسى بولغان. پەقەت رىم پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كىشىلەرلا قانۇننىڭ ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشكەن، بۇ چاغدىكى قانۇنلار «پۇقرالار قانۇنى» ياكى «شەھەر خەلقى قانۇنى» (Jus Civile) دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرگىچە، رىم ئىتالىيىنى بويسۇندۇرغان ھەمدە سىرتقا قارىتا كەڭ كۆلەمدە كېڭەيمىچىلىك قىلغان، بارغانسېرى كۆپلىگەن غەيرىي رىملىقلار رىم ئاھالىسىگە ئايلانغان، «ئاۋام خەلق قانۇنى» (Jus gentium) ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن؛ ئۇ ئەمەلىيەتتە رىم ھۆكۈمرانلىقى دائىرىسىدىكى «خەلقئارا قانۇن»بولۇپ، رىملىقلار بىلەن غەيرىي رىملىقلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇيغۇن بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅠ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا رىم ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغان، شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرى قانۇننىڭ مۇھىم مەنبەسى قىلىنغان. پادىشاھ ئاۋگۇستتىن باشلاپ مىلادى Ⅲ ئەسىرگىچە رىمنىڭ قانۇنشۇناسلىق تەتقىقاتى ناھايىتى تەرەققىي تاپقان، پادىشاھ داڭلىق قانۇنشۇناسلارغا قانۇننى ئىزاھلاش ئىمتىيازىنى بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن ھەرخىل قانۇن تەلىماتلىرى ۋە ئېقىملىرى بارلىققا كېلىپ، رىم قانۇنىنىڭ مەزمۇنى كېڭەيتىلگەن. ئادەتتە پاپىنىئان، پاۋېل، گېللىي، ئۇلپىئان، مودېس-تىن (Herennius Modestinus مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى) دىن ئىبارەت بەش چوڭ قانۇنشۇناس ئۆتكەن، دەپ ھېسابلىنىدۇ. مىلادى 212-يىلى پادىشاھ كاراكاللې پەرمان ئېلان قىلغان (ئىمپېرىيىنىڭ پۈتۈن ئەركىن كىشىلىرىگە پۇقرالىق ھوقۇقى بەر- گەن)، رىملىقلار بىلەن رىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى غەيرىي رىملىقلارنىڭ قانۇن جەھەتتىكى پەرقى تەدرىجىي يوقالغان، «پۇقرالار قانۇنى» بىلەن «ئاۋام خەلق قانۇنى»ئوتتۇرىسىدىمۇ پەرق قالمىغان. ئىمپېرىيىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى قانۇنشۇناسلىق تەتقىقاتى ئالدىنقى مەزگىلدىكىدەك كەڭ ئەۋج ئالمىغان، ھەرقايسى خاندانلىقلارنىڭ پادىشاھلىرى قانۇنلارنى رەتلەش ۋە قانۇن تۈزدۈرۈش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان، رىم قانۇنلىرى سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن. رىم قانۇنلىرى پرىنسىپ جەھەتتە دۆلەت قانۇنى بىلەن خۇسۇسىي قانۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى خۇسۇسىي قانۇن قىسمى ئىنتايىن مۇكەممەل بولۇپ كېيىنكى دەۋرگە كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى زور بولغاچقا، تەتقىقاتچىلار ھەربىر رىم خۇسۇسىي قانۇنىنى رىم قانۇنىنىڭ ئوخشاش مەنىداش سۆزى قىلىپ ئىشلەتكەن. تاۋار ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئالماشتۇرۇش بىرقەدەر راۋاجلانغان شارائىتتا، ئېلىپ-سېتىش، قەرز پۇل ئېلىش، قەرز تۆلىتىش ھوقۇقى، قەرز تۆلەش، توختام، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ۋە باشقا ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا چېتىشلىق بولغان ئىشلار ئۈستىدە رىم قانۇنلىرىدا تەپسىلىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان ۋە بەلگىلىمە چىقىرىلغان. «ئۇ بىزگە مەلۇم بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلغان قانۇنلارنىڭ ئەڭ مۇكەممەل شەكلى» («ماركس-ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى»، 3-توم، خەلق نەشرىياتى 1972-يىلى خەنزۇچە نەشرى، 143-بەت). رىم قانۇنلىرىدا، قۇللار قانۇن مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسىي گەۋدە — ئادەم، دەپ ھېسابلانمىغان،كىشىلىك سالاھىيىتى، ھوقۇقى بولمىغان، ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىمۇ خوجايىنغا تەئەللۇق بولغان. مىلادى Ⅵ ئەسىردە شەرقىي رىم پادىشاھى يۇستىنىئان تەختتە ئولتۇرغان چاغدا، «دۆلەت قانۇنى قامۇسى» نى تۈزدۈرگەن، ئۇ «قانۇن» (قانۇن-پەرمانلار توپلىمى)، «قانۇن-تەلىماتلار توپلىمى» (قانۇن-شۇناسلارنىڭ ئىزا- ھى)، «قانۇن بوسۇغىسى» (قانۇننى تەتقىق قىلىدىغان دەرسلىك) ۋە «يېڭى پەرمانلار» (شۇ زاماندىكى ئەمر-پەرمانلار بولۇپ، پادىشاھ ئۆلگەندىن كېيىن تۈزۈلگەن)دىن ئىبارەت تۆت قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كېيىنكى دەۋردىكىلەر ئاتاپ كېلىۋاتقان رىم قانۇنلىرى ئومۇمەن «دۆلەت قانۇنى قامۇسى» نى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ياۋروپا ئەللىرىدىكى خۇسۇسىي قانۇنلارنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن زور تەسىر كۆرسەتكەن؛ ⅪⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ناپولېئون تۈزدۈرگەن «فرانسىيە ھەق-تەلەپ قانۇنى» شۇنى مۇھىم ئاساس قىلغان.

رىم كاتولىك دىنى

  • رىم كاتولىك دىنى[يەشمىسى:] يەنى كاتولىك دىنى. كاتولىك دىنىنىڭ لاتىنچە ئاتىلىشى Catholica بولۇپ، «دۇنياۋى خاراكتېرلىك» دېگەن مەنىدە، جۇڭگو كاتولىك دىنى زاتلىرى كاتولىك دىنىنى «ئومۇم دىن »دەپمۇ تەرجىمە قىلغان، كاتولىك دىنى رىمنى مەركەز قىلغاچقا، «رىم كاتولىك دىنى» دەپ ئاتالغان.

رىم كالېندارى

  • رىم كالېندارى[يەشمىسى:] قەدىمكى رىم كالېندارى، ھازىر ئومۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتقان «مىلادى كالېندارى» (گرېگورى كالېندارى)نىڭ بىۋاسىتە مەنبەسى، بۇ كالېندارنىڭ تەرەققىياتىنى مۇنداق ئىككى چوڭ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ. (1) نۇما كالېندارى. رىمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى كالېندارى قەمەرىيە ئېيىنى ئاساس قىلغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ كالېنداردا بىر يىل 10 ئايغا بۆلۈنۈپ، جەمئىي 304 كۈن قىلىنغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 713 يىل ئىلگىرى، «پادىشاھلىق دەۋر» نىڭ ئىككىنچى پادىشاھى نۇما پومپىلىي (Numa Pompilius) تەختتە ئولتۇرغان چاغدا، قەدىمكى يۇنان كالېندارى (شەمسىيە كالېندارى)دىن پايدىلىنىپ كالېندار تۈزۈپ، بىر يىلنى 12 ئاي قىلىشنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 1-، 3، 5، 8-ئايلارنى 31 كۈن قىلىشنى، 2-،4-،6-،7-،9-،10-،11-ئايلارنى 29 كۈن قىلىشنى، 12-ئاينى 28 كۈن (ياكى 27 كۈن) قىلىشنى بەلگىلىگەن. پۈتۈن يىل 355 كۈن (ياكى 354 كۈن) قىلىنغان بولۇپ، قۇياش يىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن 10 (ياكى 11) كۈن پەرقلىنىدۇ. پەرق چوڭ بولغانلىقتىن، ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش قولايلىق بولمىغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا دەسلەپكى قەدەمدە تەرتىپكە سېلىنغان (ھەر تۆت يىل ئىچىدە ئىككى كەبىسە ئاي كۆپەيتىلگەن)، كاھېنلار دائىم بۇ ئىشنى باشقۇرۇپ ئېلان قىلىپ، بۇ كالېندارنى قۇياش يىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن يېقىنلاشتۇرغان. نۇما كالېندارى قۇياش كالېندارىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن نامۇۋاپىق بەلگىلىمە، ۋاقىتلىق تەرتىپكە سېلىش ھەمىشە ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (2) يۇلىي كالېندارى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رىم ھۆكۈمرانى كائېسار ئىسكەندەرىيە ئاسترونومى سوسىگېن (Sosigenes) نى رىم كالېندارىنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈپ چىقىشقا تەكلىپ قىلغان. سوسىگېن رىمنىڭ كالېندارچىلىق ئەنئەنىسىنى تاشلاپ قويۇپ، قەدىمكى مىسىرنىڭ قۇياش كالېندارى (365 كۈن) نى ئاساس قىلىپ، قۇياش يىلىنىڭ دەۋر قىلىشى بويىچە تۆۋەندىكىچە بەلگىلىمە چىقارغان: ئادەتتىكى يىلنى 365 كۈن، ھەر تۆت يىلغا بىر كەبىسە يىلنى قوشۇپ 366 كۈن قىلغان. يەنى 1-، 3-، 5-، 7-، 9، 11-ئايلارنى 31 كۈندىن، 4-، 6-، 8-، 10، 12-ئايلارنى 30 كۈندىن، 2-ئاينى ئادەتتىكى يىلدا 29 كۈن، كەبىسە يىلىدا 30 كۈن قىلغان. كائېسارنىڭ فامىلىسى يۇلىي (Julius) بولغاچقا «يۇلىي كالېندارى» دەپ ئاتالغان. كائېسار 7-ئايدا تۇغۇلغان، 7-ئاي ئۇنىڭ فامىلىسى بىلەن «ئىيۇل» دەپ ئاتالغان. «يۇلىي كالېندارى» شەمسىيە كالېندارىغا مەنسۇپ بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدا قۇياش يىلىغا قارىغاندا 11 مىنۇت 14 سېكۇنت پەرق مەۋجۇت (ⅩⅥ ئەسىردە يەنە بىر قېتىم مۇھىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن). يۇلىي كالېندارى مىلادىدىن 46 يىل ئىلگىرى ئېلان قىلىنىپ، مىلادىدىن 45 يىل ئىلگىرى رەسمىي يولغا قويۇلغان. كائېسارنىڭ ۋارىسى ئوكتاۋىئان (ئوكتاۋىئان ئاۋگۇست، Oktabnah Abtyct) تەختتە ئولتۇرغان چاغدا، ئۇنىڭ تۇغۇلغان ئېيى 8-ئاي بولغاچقا 8-ئايغا «ئاۋغۇست» دەپ نام بېرىلگەن؛ رىملىقلار تاق ساننى خەيرلىك دەپ ئادەتلەنگەچكە، 2-ئايدىن بىر كۈننى كېمەيتىپ ئۇنى 8-ئايغا قوشۇپ، 8-ئاينى چوڭ ئايغا ئۆزگەرتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 9-، 11-ئايلاردىن بىر كۈننى كېمەيتىپ ئۇلارنى كىچىك ئاي قىلغان، 10-، 12-ئايلارنى چوڭ ئاي قىلغان. نەتىجىدە 1-، 3-، 5-، 7-، 8-، 10-، 12-ئايلار 31 كۈندىن، 4-، 6-، 9-، 11-ئايلار 30 كۈندىن، 2-ئاي ئادەتتىكى يىلدا 28 كۈن، كەبىسە يىلى 29 كۈن بولغان. بۇ كالېندار (بەزىدە «ئاۋگۇست كالېندارى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن كېيىنكى دەۋردىكى مىلادىيە كالېندارىنىڭ رەت تەرتىپى ئاساسىي جەھەتتىن ماس كېلىدۇ، لېكىن ھەرقايسى ئايلارنىڭ كۈن سانى تەكشى ئەمەس، تەرتىپسىز، ئىشلىتىشمۇ ئانچە قولايلىق ئەمەس، بۇنى كىشىلەر ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئاسترونومىيە جەھەتتە ئاساسى يوق.

رىم كېلىشىمنامىسى

  • رىم كېلىشىمنامىسى[يەشمىسى:] 1934-يىل 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىتالىيە ئاۋسترىيە ۋە ۋېنگرىيە بىلەن رىمدا ئىمزالىغان كېلىشىم. كېلىشىمدە: ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۈچ دۆلەت يېقىن سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ، ئىتالىيە، ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە ئىككى دۆلەتتە بەزى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرگە ئىگە قىلىنىدۇ؛ دىپلوماتىيە جەھەتتە ئۈچ دۆلەت مەسلىھەتلىشىپ ئىش كۆرىدۇ، ھەربىي جەھەتتە ئىتالىيە ئاۋسترىيىنىڭ مۇستەقىللىكى ۋە ئۇنى گېرمانىيىنىڭ يۇتۇۋالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئاۋسترىيىدە ئىچكى توپىلاڭ يۈز بەرسە، ئىتالىيە ئارىلىشىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇ ئىتالىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 1936-يىلى 10-ئايدا گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە ئاۋسترىيە توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان، «بىرلېن-رىم ئوق مەركىزى» («بىرلېن-رىم-توكيو ئوق مەركىزى» گە قاراڭ) شەكىللەنگەن. كېلىشىمنامە كۈچتىن قالغان.

رىم مەدەنىيىتى (قەدىمكى زامان)

  • رىم مەدەنىيىتى (قەدىمكى زامان)[يەشمىسى:] رىم قۇللۇق تۈزۈم دۆلىتىنىڭ مەدەنىيىتى، كلاسسىك جەمئىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. دەسلەپكى مەزگىلدە دىن، بىناكارلىق قاتارلىق جەھەتلەردە ئېترورىيىلىكلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ تارقىلىشى (ئاۋۋال ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى يۇنان كولۇنىيە-شەھەرلىرىگە تارقالغان)، رىم مەدەنىيىتىنىڭ يارىتىلىشى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا تېخىمۇ كۆپ تەسىر كۆرسەتكەن. رىمدا يۇناندىكى ئاساسلىق تەڭرىلەرگە تەڭ-باراۋەر كېلىدىغان لاتىن تەڭرىلىرى بار. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە رىم ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغان، قۇللۇق تۈزۈم ئىگىلىكى، سىياسى تېز تەرەققىي قىلغان، ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا راۋاجلانغان، ئىمپېرىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە كەلگەندە (مىلادى Ⅱ — Ⅰ ئەسىر) گۈللىنىش باسقۇچىغا يەتكەن. ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغانلىرىدىن، ئەدەبىيات جەھەتتە چوڭ كاتون، سىتسېرون، كائېسارلارنىڭ نەسرىي ئەسەرلىرى، ۋارروننىڭ لاتىن تىلى گرامماتىكىسى، ۋېرچىلىي، خوراسې، ئوۋىدىلارنىڭ شېئىرلىرى، بىناكارلىق سەنئىتى جەھەتتە كولوسسېئوم سېرك مەيدانى، پانتېئون (تەڭرىلەر ئىبادەتخانىسى)ۋە كۆپلىگەن تىياتىرخانا، سۇ يوللىرى، كۆۋرۈك، زەپەر دەرۋازىسى، خاتىرە تۈۋرۈكى قاتارلىقلار بار؛ تارىخشۇناسلىق جەھەتتە كائېسار، لىۋىي، تاسىت ۋە پولىبىي، ئاپپىئان (كېيىنكى ئىككىسى يۇنانلىق)لارنىڭ ئەسەرلىرى بار؛ پەلسەپە جەھەتتە لوكرېتسىيىنىڭ ماتېرىيالىزمنى سىتسېرون، سېنېكا، مارك ئاۋرېلىيلارنىڭ ئىدېئالىزمى بار؛ ئىلىم-پەن جەھەتتە چوڭ پلىنىينىڭ تەبىئىي بايلىقلار خاتىرىسى بار، مۇنازىرە ماھارىتى [HJ*5]جەھەتتە ئاكا-ئۇكا گراككو، سىتسېرونلارنىڭ نۇتۇقلىرى بار؛ شۇنىڭدەك قانۇن، سىياسىي تۈزۈملەردىن مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن رىم قانۇنلىرى قاتارلىقلار بار. مىلادى Ⅰ ئەسىردە خرىستىئان دىنى باش كۆتۈرۈپ، Ⅲ — Ⅱ ئەسىرلەردە كەڭ كۆلەمدە تارقالغان ھەمدە خرىستىئان دىنىي مەدەنىيىتى شەكىللىنىشكە باشلىغان. مىلادى Ⅲ ئەسىردىن كېيىن رىم قۇللۇق تۈزۈم جەمئىيىتى كرىزىسكە يۈزلەنگەن، ئۇنىڭ مەدەنىيىتىمۇ تەدرىجىي خارابلاشقان. قەدىمكى رىم مەدەنىيىتىنىڭ نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلىرى، بولۇپمۇ بىناكارلىقى، قانۇنشۇناسلىقى ۋە لاتىن تىلى كېيىنكى دەۋردىكى غەرب ئەللىرىگە خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن.

رىمنىڭ كېلىپ چىقىشى

  • رىمنىڭ كېلىپ چىقىشى[يەشمىسى:] رىم شەھىرىنىڭ بىنا قىلىنىشى توغرىسىدىكى رىۋايەت. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، يۇنان يىراققا يۈرۈش ئارمىيىسى كىچىك ئاسىيا بويىدىكى ترويا (Троя، يەنى ئېلئون) شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بۇ شەھەرنىڭ ئەپسانىۋى قەھرىمانى ئېنېياس (Aeneas) قېچىپ كېتىپ، ئايلىنىپ يۈرۈپ ئىتالىيىگە يېتىپ بارغان. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى لاتىئۇم رايونىدا ئالبا-لونگا (Alba Longa) شەھىرىنى قۇرۇپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە پادىشاھ بولغان. پادىشاھلىق نۇمىتور (Numitor) غا كەلگەندە، ئىنىسى ئامۇلىي (Amulius) پادىشاھلىق تەختنى تارتىۋالغان؛ ئامۇلىي نۇمىتورنىڭ قىزى رېياسىلۋىيە (Peя CилbBия) نى ئايال كاھىن بولۇشقا مەجبۇرلاپ، ئۇنىڭ توي قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. لېكىن سىلۋىيە ئۇرۇش خۇداسى مارستىن قوشكېزەك ئاكا-ئۇكا تۇغقان، ئامۇلىي ئادەم ئەۋەتىپ بوۋاقلارنى تىبر دەرياسىغا تاشلاتقۇزۇۋەتكەن، بوۋاقلار دولقۇننىڭ ئۇرۇشى بىلەن قىرغاققا چىقىپ قالغاندا، بىر چىشى بۆرە ئۇلارنى ئىمىتىپ بېقىپتۇ، كېيىن يەنە پادىچى ئەر-خوتۇن بېقىپتۇ، بالىلار ئاخىر ئۆسۈپ چوڭ بولۇپتۇ؛ ئاكىسى رومۇل، ئىنىسى رېموس دەپ ئاتىلىدىكەن، ئۇلار ئامۇلىيىنى ئۆلتۈرۈپ قىساس ئېلىپ، ئالبالونگا شەھىرىنى ۋە تەختنى قايتۇرۇۋالغانىكەن ھەمدە تىبر دەرياسى بويىدا يەنى ئۇلار تاشلىۋېتىلگەن ۋە قۇتقۇزۇۋېلىنغان يەردە بىر يېڭى شەھەر بىنا قىلغانىكەن. ئاكا-ئۇكىلار چىقىشالماي، رومۇل ئىنىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن يېڭى شەھەرنى رىم (Roma) شەھىرى دەپ ئاتاپتۇ؛ رومۇل رىم «پادىشاھلىق دەۋرى»نىڭ تۇنجى پادىشاھى بوپتۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردە ئۆتكەن رىم يازغۇچىسى ۋارروننىڭ ھېسابلاپ چىقىشى بويىچە رىم شەھىرى مىلادىدىن 754 — 753 يىل ئىلگىرى بىنا قىلىنغان. قەدىمكى رىملىقلار بۇ يىلنى يىلنامىنىڭ باشلىنىشى قىلغان. يېقىنقى زامان ئارخېئولوگىيىسى ۋە تارىخ تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىلىرى بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا مايىل. ئەمەلىيەتتە رىم ئەڭ دەسلەپتە مىلادىدىن 1000 — 800 يىل ئىلگىرى لاتىئۇم رايونىغا كۆچۈپ كىرگەن لاتىنلار (ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىغا مەنسۇپ) تىبر دەرياسى بويىدىكى پالاتىن قاتارلىق تۆپىلىكتە قۇرغان مەھەللىۋى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي بولغان. كېيىن يېقىن ئەتراپتىكى تۆپىلىكلەردىكى سابىنىيانې قەبىلىلىرىنىڭ ئاھالىسى بىلەن بىرلىشىپ، تەدرىجىي كېڭىيىش بىلەن رىم شەھىرى بىنا قىلىنغان. تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا ئاساسەن، رىمدا مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا ئاندىن شەھەرلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىغان، Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شەھەر دۆلەتلىرى شەكىللىنىشكە باشلىغان.

رىمنىڭ مەمۇرىي ئۆلكىلىرى

  • رىمنىڭ مەمۇرىي ئۆلكىلىرى[يەشمىسى:] قەدىمكى رىم دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى مەمۇرىي ئورۇن. «مەمۇرىي ئۆلكە» لاتىنچە Provincia دېگەن سۆز بولۇپ، ئەسلىدە «ھاۋالە قىلىش» دېگەن مەنىدە، يەنى رىم ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىرى بىر رايوننى ئىستېلا قىلغاندا، سېنات ئۇلارغا بۇ رايوننى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ھاۋالە قىلغان؛ كېيىن مەخسۇس يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار (باش ۋالىي) تەيىنلەپ ئىدارە قىلغان، مۇناسىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى تەدرىجىي شەكىللەنگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە رىمدا مەمۇرىي ئۆلكە تۈزۈمى يوق ئىدى. رىمنىڭ ئىتالىيە چېگرىسىنىڭ سىرتىغا كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، پونىي ئۇرۇشى، ماكېدونىيە ئۇرۇشى، ئىسپانىيە ئۇرۇشى قاتارلىق ئۇرۇشلار ئارقىلىق، ئۇ تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مەمۇرىي ئۆلكە قۇرۇشنى باشلىغان. مىلادىدىن 130 يىل ئىلگىرى ئۆپچۆرىسىدە رىم جۇمھۇرىيىتىدە سىتسىلىيە، ساردىنىيە، تاغنىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيە، ئىسپانىيە، ئافرىقا، ئىللىرىيە، ماكېدونىيە، ئاكائىيە ۋە ئاسىيادىن ئىبارەت توققۇز مەمۇرىي ئۆلكە بار ئىدى. مەمۇرىي ئۆلكە باش ۋالىيلىرى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئىچىدىن تاللىناتتى، دائىم كونسۇللۇقتىن بوشانغانلار ئۈستىگە ئالاتتى، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىر يىل ئىدى، زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇزارتىشقا بولاتتى. مەمۇرىي ئۆلكىلەرنىڭ يەرلىرى، بايلىقى قاتارلىقلار رىم دۆلىتىنىڭ مال-مۈلكى دەپ قارىلاتتى، سېنات ئۇنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارىگە بېرىش ياكى بىۋاسىتە باشقۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ئىدى ھەمدە باجنى كۆتۈرىگە بېرىش تۈزۈمى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەمۇرىي ئۆلكە ئاھالىسىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلاتتى؛ مەمۇرىي ئۆلكە شەھەرلىرىدە ئومۇمەن ئىچكى ئىشلاردا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بار ئىدى، لېكىن باج تاپشۇرۇشى ۋە تۈرلۈك مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ئىدى. رىم ھۆكۈمرانلىرى بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەرنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، مەمۇرىي ئۆلكىلەردە قوشۇن تۇرغۇزغان، ھەربىي لاۋازىمەتلىكلەرنى يەرلىك خەلقلەر يەتكۈزۈپ بەرگەن. باش ۋالىيلار بەزىدە ئارمىيىنىڭ قوماندانلىقىنى قوشۇمچە ئۆز ئۈستىگە ئالغان، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ھايات-ماماتنى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن؛ ئۇلار خىيانەت قىلىپ، قانۇننى بۇزۇپ، خەلقنى زار قاقشاتقان. مەمۇرىي ئۆلكە ئورگىنى رىم دۆلىتىنىڭ شۇ جايدىكى پۇقرالارنى تالان-تاراج قىلىشتىكى ئاساسلىق شەكلى بولۇپ، نۇرغۇن تەدبىرلىرى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىدىن ۋارىسلىق قىلىنغان. مەمۇرىي ئۆلكىلەر بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەمدە يوللار ياسالغان بولۇپ، سودا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى راۋاجلاندۇرۇشتا رول ئوينىغان. ئىمپېرىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، سېنات بىلەن پرىنىسپات مەمۇرىي ئۆلكىلەرنى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش تەدبىرى قوللىنىلغان، يەنى مەمۇرىي ئۆلكىلەرنى سېناتقا قاراشلىق مەمۇرىي ئۆلكە (سېنات ۋەكالىتەن باشقۇرىدىغان كونسۇل تەيىنلەپ ئىدارە قىلىدىغان) ۋە پرىنىسپاتقا بىۋاسىتە قاراشلىق مەمۇرىي ئۆلكە دەپ ئىككى خىلغا بۆلگەن. كېيىن رىم زېمىنىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ (دۇناي دەرياسى ۋە غەربىي ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن). مەمۇرىي ئۆلكىلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن، مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەمۇرىي ئۆلكىلەر 40 نەچچىگە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رىم پادىشاھى تەدرىجىي ھالدا مەمۇرىي ئۆلكە ئاقسۆڭەكلىرىنىمۇ ھۆكۈمرانلار قاتارىغا قوشقان ھەمدە مەمۇرىي ئۆلكىلەردە رىم پۇقرالىق ھوقۇقىنى كېڭەيتكەن. Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا دىئوكلېتىئان تەختتە ئولتۇرغان چاغدا، مەمۇرىي ئۆلكىلەرنى كونترول قىلىش ۋە باشقۇرۇشقا قولايلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن، مەمۇرىي ئۆلكىلەرگە قاراشلىق رايونلارنى تارايتقان، شۇنىڭ بىلەن مەمۇرىي ئۆلكىلەر كۆپىيىپ 100 گە يەتكەن؛ مەمۇرىي ئۆلكىلەرنىڭ ئۈستىدە يەنە 12 چوڭ مەمۇرىي رايون قۇرغان، ھەرقايسى مەمۇرىي رايونلار بىرقانچە مەمۇرىي ئۆلكىنى بۆلۈپ باشقۇرغان. رىم ئىمپېرىيىسى كرىزىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، زېمىنى كۈنسايىن تارايغان، مەمۇرىي ئۆلكىلەرگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىمۇ پارچىلىنىشقا يۈزلەنگەن.

رىم ئىتتىپاقچىلىرى

  • رىم ئىتتىپاقچىلىرى[يەشمىسى:] ئاساسەن رىم جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمرانلىقىدىكى بەزى ئىتالىيە شەھەرلىرى ۋە قەبىلىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە رىملىقلار ۋېيى ئۇرۇشى، سامن-ى ئۇرۇش-ى، پىرروس ئۇرۇشى قاتارلىق ئۇرۇشلار ئارقىلىق ئىتالىيىنىڭ بىرلىكىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندىغان؛ بويسۇندۇرۇلغان كەڭ رايونلاردىكى شەھەرلەر، شەھەر دۆلەتلىرى ياكى قەبىلىلەرگە، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن، ئايرىم-ئايرىم مۇئامىلە قىلىشتىن ئىبارەت «بۆلۈپ ئىدارە قىلىش» سىياسىتىنى قوللانغان. بەزى شەھەرلەر ئاپتونومىيە شەھەرلىرى قىلىنغان ياكى رىم پۇقرالىق ھوقۇقى بېرىلگەن؛ لېكىن بويسۇندۇرۇلغان كۆپلىگەن ئىتالىيە قەبىلىلىرى رىم «ئىتتىپاقچىلىرى» دەپ ئاتالغان، ئۇلار ئىچكى قىسىمدا ئۆزىنى ئىدارە قىلسىمۇ، لېكىن رىم پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە دىپلوماتىيە ھوقۇقى بولمىغان، بەلكى رىمنى ياردەمچى قوشۇن ۋە ھەربىي قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەپ، پات-پات خىراج تاپشۇرغان. «ئىتتىپاقچىلار»بىلەن رىم ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئاخىر مىلادىدىن ئىلگىرى 91 — 88 يىللاردىكى ئىتتىپاقچىلار ئۇرۇشىغا ئېلىپ كەلگەن، نەتىجىدە كۆپلىگەن ئىتتىپاقچىلار رىم پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، رىملىقلار بىلەن تەدرىجىي قوشۇلۇپ كەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئىتالىيە چېگرىسىنىڭ سىرتىدىكى رىمغا قاراشلىق بەزى شەھەرلەر ۋە ئىمپېرىيە دەۋرىدە رىم چېگرىسى ئىچىگە كۆچۈپ كىرگەن «ۋارۋارلار»مۇ «ئىتتىپاقچىلار»دەپ ئاتالغان.

رىم ئىمپېرىيىسى

  • رىم ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:] تارىخشۇناسلىق ئەنئەنىسىگە ئاساسلانغاندا ئادەتتە مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتتىن مىلادى 476-يىلغىچە بولغان رىم قۇللۇق تۈزۈم دۆلىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنى ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئىمپېرىيە (مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرى — مىلادى 284-يىلى) ۋە كېيىنكى مەزگىلدىكى ئىمپېرىيە (مىلادى 284 — 476) گە ئايرىشقا بولىدۇ. «رىم (قەدىمكى زامان)»غا قاراڭ.

رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىش تارىخى

  • رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىش تارىخى[يەشمىسى:] غەرب تارىخشۇناسلىقىدىكى داڭلىق ئەسەر. ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس گېببون يازغان. جەمئىي 71 باب، ئالتە توم بولۇپ، 1776 — 1788-يىللىرى ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قىلىنغان. ئومۇمەن ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، بىرىنچى تومدىن تۆتىنچى تومغىچە بىرىنچى قىسىم بولۇپ، ئاساسەن، مىلادى 180-يىلدىن 641-يىلغىچە بولغان تارىخ بايان قىلىنغان. بەشىنچى، ئالتىنچى تومى ئىككىنچى قىسىم بولۇپ، مىلادى 641 — 1453-يىللىرى ئوسمان تۈركلىرىنىڭ كونستانتىنوپولنى ئىشغال قىلىشى ۋە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ يوقىلىش دەۋرىدىكى تارىخ بايان قىلىنغان. بۇ مەزمۇنى مول ئومۇمىي تارىخ ھېسابلىنىدۇ. يازغۇچى تارىخنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەسەرنىڭ تۈزۈلۈشىنى پۇختا، تەرتىپنى ئېنىق قىلىپ تۈزۈپ، ئالدىنقىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ مېغىزىنى قوبۇل قىلغان. ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبى نەپىس، ۋەقەلىكنى بايان قىلىشى جانلىق ۋە توغرا، مۇھاكىمىسى دەل جايىدا بولغان. لېكىن مەزمۇنى سىياسىي-ھەربىي ئىشلار تارىخى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ، غەرب ئەنئەنىۋى تارىخشۇناسلىقىنىڭ كونا قېلىپىدىن چىقىپ كېتەلمىگەن.

رىم يەر ئاستى قەبرىلىرى

  • رىم يەر ئاستى قەبرىلىرى[يەشمىسى:] قەدىمكى زاماندىكى خرىستىئانلارنىڭ يەر ئاستى قەبرىلىرى. شەرقنى مەنبە قىلغان بولۇپ، ئادەتتە مىلادى Ⅱ ئەسىردىن Ⅳ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە خرىستىئانلار رىم شەھىرىنىڭ سىرتىدا كولىغان قەبرە ئۆڭكۈرلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇزۇنلۇقى بىر كىلومېتر كېلىدۇ. قەبرە ئۆڭكۈر يولىنىڭ ئىككى يان تەرىپىدىكى ئويمان يېرىگە قازا تاپقانلار دەپنە قىلىنغان بولۇپ، بەزىدە دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا يىغىلىدىغان جاي قىلىنغان. Ⅳ ئەسىردە سانى كۆپەيگەن، بەزى قەبرىلەرنىڭ ئۈستى ئەگمە شەكىلدە ياسالغان ھەمدە ئىچكى قىسمى نەقىش ۋە رەسىملەر بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ، كېيىن خرىستىئانلارنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان جايىغا ئايلانغان. خرىستىئان دىنى قانۇنلاشقاندىن كېيىن، بولۇپمۇ Ⅴ ئەسىردە گوتلار، ۋانداللار قاتارلىق يات مىللەتلەرنىڭ بېسىپ كىرىشى بىلەن پەيدىنپەي تاشلىۋېتىلگەن. ⅩⅡ ئەسىرگە كەلگەندە كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ قالغان. يېقىنقى زاماندا قېزىش ئارقىلىق، دەسلەپكى خرىستىئان دىنىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن. 

رىم يوللىرى

  • رىم يوللىرى[يەشمىسى:] رىم دۆلىتى سىرتقا كېڭىيىپ ئىتالىيىنى بويسۇندۇرۇش جەريانىدا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرگىچە) ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەربىي ھۆكۈمرانلىق ئېھتىياجىنى كۆزلەپ ئارقا-ئارقىدىن بىر قىسىم يوللار (تاشيول) نى ياساتقان. ئاساسلىقلىرىدىن: (1) ئاپپىيە يولى (Via Appia). رىم شەھىرىدىن باشلىنىپ جەنۇبتا كامپانىيىدىكى كاپويىگە، ئاندىن شەرقىي جەنۇبتىكى تارېنتقا يېتىپ بارىدۇ. يەنە كالابرىيىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ئادرىياتىك دېڭىزدىكى برىندىس (Brundisium) پورتىغا يېتىپ بارىدۇ. (2) فلامىنىيە يولى (Via Flaminia). رىم شەھىرىدىن باشلىنىپ شىمالدا ئومبرىيە چېگرىسى ئارقىلىق، سېكۋانلارنىڭ ئادرىياتىك دېڭىزى بويىدىكى شەھىرى فانۇم فورتۇنا (Fanum Fortune) غا يېتىپ بارىدۇ. (3) ئېمىلىيە يولى (Via Aemilia). فانۇم فورتۇنادىن باشلىنىپ دەريانىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيىدىكى مۇتىنا ئارقىلىق پادۇس دەرياسى (Padus، پو دەرياسى) نىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى پلاسېنتىيە (Placentia) گە يېتىپ بارىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە رىم شەھىرىدىن باشلىنىپ، شىمالدا ئېمىلىيە يولى بىلەن قوشۇلىدىغان كاسسىيە (Via Cassia) يولى بار؛ رىم شەھىرىدىن باشلىنىپ، شەرقتە سامنىئى رايونىغا بارىدىغان لاتىن يولى (Via Latina) قاتارلىق يوللار بار. يوللارنىڭ كۆپىگە تاش ياتقۇزۇلغان، يولنىڭ ئۈستى بېلىق سىرتى قىلىپ ياسالغان بولۇپ، كەڭلىكىنى ئۆلچىشى خېلىلا توغرا، ئۇ رىم بىناكارلىق تارىخىدىكى بىر تۆھپە ھېسابلىنىدۇ. رىمنىڭ ئىتالىيە چېگرىسىنىڭ سىرتىغا قاراپ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ھەرقايسى مەمۇرىي ئۆلكىلەرمۇ كەڭ كۆلەمدە يول ياسىتىپ، بۇ يوللارنى رىم بىلەن تۇتاشتۇرغان؛ يوللاردا بىكەت قۇرۇپ، ئالماشتۇرىدىغان ئاتلارنى ھازىرلاپ، خەۋەر يەتكۈزۈپ تۇرغان. بۇ يوللار ھەرقايسى جايلاردىكى خەلقلەرنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا ئىلگىرى سۈرۈش رولىنىمۇ ئوينىغان. 

رىۋېرا

  • رىۋېرا[يەشمىسى:]1) مىگوئېل پرىمودىي رىۋېرا ئوربانېيا(Miguel Rrimode Riveray Orbaneja، 1870 — 1930) ئىسپانىيىلىك ھەربىي ۋە ئىستىبدات. كادىسىدا تۇغۇلغان. دەسلەپ ھەربىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان. 1898-يىلىدىكى ئىسپانىيە-ئامېرىكا ئۇرۇشىدا، كۇبا ۋە فىلىپپىندا ھەربىي سەپتە بولغان. 1909 — 1913-يىللىرى ماراكەشتە ھەربىي سەپتە بولغان. 1915-ۋە 1922-يىللىرى كادىس بىلەن بارسېلونادا ھەربىي قوماندان بولغان. 1923-يىلى پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، ھەربىي ھالەت قانۇنى ئېلان قىلىپ، ھەربىي كاتتىباشقا ئايلانغان. 1924-يىلى ماراكەشتىكى كېرەم رەھبەرلىكىدىكى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنى باستۇرغان. 1925 — 1930-يىللىرى زۇڭلى بولۇپ، چوڭ ھوقۇقنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، ئەمەلىيەتتىكى ئىستىبدات بولۇپ قالغان. كېيىن مەملىكەت ئىچىدە ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ كۆپىيىشى، پادىشاھ ۋە ئوفىتسېرلارنىڭ قوللىماي قويۇشى تۈپەيلىدىن، ۋەزىپىسىنى تاشلاپ پارىژغا كېتىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن پارىژدا كېسەل بىلەن ئۆلگەن. (2) دېگورىۋېرا (Diego Rivera، 1886 — 1957) مېكسىكىلىق رەسسام ۋە ھەيكەلتىراش. مېكسىكا تام سۈرەتلىرى ئىلمىي ئېقىمىغا ئاساس سالغۇچى. مېكسىكا تام سۈرەتچىلىكىدىكى ئۈچ ئەزىمەتنىڭ بىرى دەپ داڭقى بار.1896 - 1902-يىللىرى مېكسىكا شەھەرلىك گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ، مېكسىكىلىق گۈزەل سەنئەتچى پوسادا (Jose Cuadalupe Posada، 1851 — 1913) نىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. 1907 — 1921-يىللىرى ئىسپانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيىدە تۇرۇپ غەربىي ياۋروپا سەنئىتىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. پىكاسو (Picasso) بىلەن يېقىن ئالاقە قىلىپ كەلگەن. 1921-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. 1922-يىلى مېكسىكا كومپارتىيىسىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»، «كېتساركو ئاتىلىنىڭ رىۋايىتى»، «شانلىق غەلىبە» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. (3) خوسىي ئوستاسىئو رىۋېرا(Jose Eustasio Rivira، 1889 - 1928) كولومبىيىلىك شائىر، يازغۇچى. بۇرژۇئا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قانۇن ئۆگەنگەن. دەسلەپ ئادۋوكاتلىق قىلغان، كېيىن پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ۋېنسۇئېلا بىلەن كولۇمبىيە چېگرا كومىسسىيىسىنىڭ ئەزاسى سالاھىيىتى بىلەن ئامازون دەرياسى ۋادىلىرىدىكى ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانزارلىق رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، «قاينام» ناملىق مەشھۇر رومانىنى يېزىپ چىققان. بۇنىڭدا ئامازون رايونى ئىسسىق بەلباغ ئورمانزارلىقلىرىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قۇل قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىندىئانلار بىلەن ئارغۇن كاۋچۇكزارلىق ئىشچىلىرىنىڭ پاجىئەلىك ھاياتى سۈرەتلەپ بېرىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا كولۇمبىيە ئىسسىق بەلباغلىرىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىنى تەسۋىرلەيدىغان «خۇدا بەرگەن زېمىن» ناملىق ئون تۆت مىسرالىق شېئىرىمۇ بار.1928-يىلى نيۇ-يوركتا ۋاپات بولغان. 

رىۋىئېرې

  • رىۋىئېرې[يەشمىسى:]Henri Laurent Riviere، 3881 - 7281) فرانسىيە مۇستەملىكىچىسى، دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى. 1882-يىلى فرانسىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، خانۇينى ئىشغال قىلىۋالغان. 1883-يىلى نەندىڭنى ئىشغال قىلىۋالغان. ۋيېتنام فېئودال خاندانلىقى ۋيېتنامغا قېچىپ بارغان جۇڭگونىڭ قارا تۇغلۇق قوشۇنىنى فرانسىيىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ياردەمگە چاقىرغان. ئۇ شۇ يىلى 5-ئايدا خانۇينىڭ غەربىدىكى جىچاۋ كۆۋرۈكى جېڭىدە قارا تۇغلۇق قوشۇن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 

رىئېگو

  • رىئېگو[يەشمىسى:]Rafael del Riegoy Nunez، 3281 - 5871) ئىسپانىيىلىك ئىنقىلابچى. سۇنغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1808-يىلى ئوۋېيدو ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشتا يېرىم ئارال جېڭىگە قوماندانلىق قىلىپ ئەسىرگە چۈشۈپ، فرانسىيىدە تۇتقۇندا بولغان. كېيىن قېچىپ شۋېتسارىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيىگە بارغان. ئورتاق قۇتقۇزۇش ئۇيۇشمىسىغا قاتناشقان. 1814-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇستەبىت تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال قاتناشقان.1820-يىلى 1-ئايدا ئۆزىگە قاراشلىق باتالېئوننى باشلاپ قوزغىلاڭ قىلىپ، «1812-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن» نى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن «كۆزەتچى قوشۇن» نىڭ دىۋىزىيە كوماندىرى بولغان. 1820-يىلى 6-، 8-ئايلاردا «كۆزەتچى قوشۇن» نىڭ قوماندانى بولغان. 1820 - 1823-يىللىرىدىكى «رادىكال» لارنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. 1822-يىلى 3-ئايدا پارلامېنتنىڭ تۇنجى پارلامېنت باشلىقى بولۇپ سايلانغان. شۇ يىلى 7-ئايدا كورۇلنىڭ مۇھاپىزەت قوشۇنىنىڭ ئىسيانىنى باستۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىپ، «رادىكاللار» نىڭ 8-ئايدا ھۆكۈمەت تەشكىللىشىنى تېزلەتكەن. 1823-يىلى 9-ئايدا ئۇنىڭ قىسىملىرى ئىسپانىيە ئىنقىلابىغا مۇداخىلە يۈرگۈزگۈچى فرانسىيە قوشۇنى تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان، ئۆزى كورۇل تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 

رىئېگو قوزغىلىڭى

  • رىئېگو قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ئىسپانىيە ھەربىيلىرىنىڭ فېردىناند Ⅶ نىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. 1819-يىلى ئىسپانىيىگە قاراشلىق ئامېرىكا مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئىسپانىيىنىڭ 20 مىڭ كىشىلىك يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى كادىسقا توپلانغان. بەزى لېبىرالىزملىق ئىدىيىسىدىكى ئوفىتسېرلار قوشۇن ئىچىدىكى نارازىلىق كەيپىياتتىن پايدىلىنىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ، مەغلۇپ بولغان. رىئېگو بەختكە يارىشا قۇتۇلۇپ قالغان. 1820-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى رىئېگو ئۆزىگە قاراشلىق قىسىمنى باشلاپ قوزغىلاڭ قىلغان. «1812-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن» نى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان. يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنىنىڭ قوماندانلىق شتابىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، لېئون ئارىلىغا يۈرۈش قىلغان ھەمدە باشقا سۇيىقەستچىلەردىن تۈرمىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن بۇ ئارالغا باشلاپ كەلگەن نەچچە مىڭلىغان ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەر بىلەن ئۇچراشقان. 1-ئاينىڭ ئاخىرى رىئېگو 1500 كىشىنى باشلاپ ئاندالۇسىيىگە يۈرۈش قىلغان. بىراق ئېغىر چىقىمغا ئۇچرىغانلىقتىن تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. لېئون ئارىلىنى ساقلاۋاتقان 3000 كىشىلىك قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىمۇ تۆت تەرەپتىن قامال ئىچىدە قېلىپ ئىلاجىسىز تەسلىم بولغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ گەرچە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەرەپ-تەرەپتىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، 1820 - 1823-يىللىرىدىكى ئىسپانىيە ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاپ بەرگەن. 

رىئېگو-نۇنېس

  • رىئېگو-نۇنېس[يەشمىسى:] يەنى «رىئېگو». 

رىئېنزو

  • رىئېنزو[يەشمىسى:]Cola di Rienzo، 4531 - 3131) ئىتالىيە سىياسىئونى. ئەسلىدە گۇۋاھچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. پاپا ئاۋىگنون دەۋرىدە (7731 - 9031) رىم ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ زورلۇق بىلەن تۈرلۈك ئالۋان-ياساق ئالغانلىقى قول سانائەتچىلەر ۋە سودىگەرلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىۋەتكەن. 1347-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۇ رىمدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغان، ئۆزى ترىبون بولغان. يېڭى ھاكىمىيەت شەھەر قوراللىق كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، ئاقسۆڭەكلەرنى جۇمھۇرىيەتكە سادىق بولۇشقا قەسەم بېرىشكە مەجبۇر قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە باج تۈزۈمىنى تەرتىپكە سالغان، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئاقسۆڭەكلەر مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، شۇ يىلى 12-ئايدا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، رىمنى يېڭىباشتىن بېسىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئابرۇززى (Abruzzi، رىمنىڭ شەرقىي شىمالىدا) تاغلىق رايونغا قېچىپ كەتكەن.1350-يىلى يەنە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى چارلىس Ⅳ دىن ياردەم تىلەش ئۈچۈن پراگاغا بارغاندا قولغا ئېلىنغان ھەمدە ئاۋىگنونغا ئاپىرىپ، پاپانىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. يېڭى پاپا ئىننوسېن Ⅵ پاپا دۆلىتىدىكى ھۆكۈمرانلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنغان.1354-يىلى 8-ئايدا ئۇ ياللانما قوشۇننى باشلاپ رىمنى ئىشغال قىلىپ، جۇمھۇرىيەتنى يېڭىباشتىن قۇرغان. ياللانما قوشۇنىنى ساقلاپ قېلىش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، باجنى كۆپەيتىشكە مەجبۇر بولغان، ھەتتا ئاھالىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان. شۇ سەۋەبتىن ئاممىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلغان. شۇ يىلى10-ئاينىڭ 8-كۈنى رىمدا يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەندە ئۆلتۈرۈلگەن. 

رىيۇرىك

  • رىيۇرىك[يەشمىسى:]Рюрик، ؟— 978) شىمالىي ياۋروپادىكى نورماندىلارنىڭ ھەربىي يولباشچىسى. نوۋگورود گېرتسوگى (978 - 268). ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 862-يىلى ئۆزىنىڭ قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىپ نوۋگورود ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالغان. كېيىن ئەتراپتىكى بولوسىكلار بىلەن كرىۋىچىلار (Кривичи) دىن باج-خىراج ئالغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئولېگ (ئۇنىڭ تۇغقىنى)، ئىگور (ئوغلى) كىيېۋ ۋە يېقىن ئەتراپتىكى كىنەزلىكلەرنى بويسۇندۇرۇپ، پراۋىسلاۋيانلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كىيېۋرۇس كىنەزلىكىنى شەكىللەندۈرگەن. 

رىيۇرىك خاندانلىقى

  • رىيۇرىك خاندانلىقى[يەشمىسى:] قەدىمكى رۇس كىنەزلىرىنىڭ فېئودال خاندانلىقى. رۇس دۆلىتىدىكى تۇنجى خاندانلق. مىلادى Ⅹئەسىردە كىيېۋ كىنەزى ئىگور قۇرغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىگور رىيورىكنىڭ ئوغلى بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. Ⅸ ئەسىردىن Ⅺ ئەسىرگىچە دۆلەت قۇدرەت تاپقان. ⅩⅡ ئەسىردىن كېيىن، فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى راۋاجلانغانلىقتىن ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى ناتۇرال ئىگىلىك ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكتىن، كىيېۋ-رۇس كىنەزلىكى 10 نەچچە فېئودال كىنەزلىك (بەگلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ) كە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىملىرى كىيېۋ، چېرىنگوۋ، گالىچ، سىمولىنىسك، پولوتىسك-مىنسىك، تۇرۇۋوپىنسىك، رەيازان، نوۋگورود، ۋلادىمىر ۋە پىسكوۋ قاتارلىق كىنەزلىكلەردىن ئىبارەت، رىيورىك خاندانلىقى شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن تارماقلارغا بۆلۈنگەن، ھەربىر كىنەزلىكتە بىر ھۆكۈمرانلىق تارمىقى بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە مونوماشىچى (Мономашичи) تارمىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان. موسكۋا كىنەزلىكى ۋە چارپادىشاھى مۇشۇ تارماققا مەنسۇپ ئىدى. ئىۋانⅢ دەۋرىدە، بىرلىككە كەلتۈرۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندالغان بولۇپ، روسىيە ھوقۇق مەركەزلەشكەن فېئوداللىق دۆلەتكە ئايلانغان. رىيۇرىك خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى چارپادىشاھى فېيېدور ئىۋانوۋىچ (фёдор Иванович، 1557 — 1598) ئۆلگەندىن كېيىن ۋارىسى بولمىغاچقا، 1613-يىلى ئۇنىڭ ئورنىنى رومانوۋ (Романовы) خاندانلىقى ئىگىلىگەن. [MM(]ر[MM)][CX1][HJ*4]بېرىپ، ئەسەرنىڭ تۈزۈلۈشىنى پۇختا، تەرتىپنى ئېنىق قىلىپ تۈزۈپ، ئالدىنقىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ مېغىزىنى قوبۇل قىلغان. ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبى نەپىس، ۋەقەلىكنى بايان قىلىشى جانلىق ۋە توغرا، مۇھاكىمىسى دەل جايىدا بولغان. لېكىن مەزمۇنى سىياسىي-ھەربىي ئىشلار تارىخى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ، غەرب ئەنئەنىۋى تارىخشۇناسلىقىنىڭ كونا قېلىپىدىن چىقىپ كېتەلمىگەن.

رىم يەر ئاستى قەبرىلىرى

  • رىم يەر ئاستى قەبرىلىرى[يەشمىسى:] قەدىمكى زاماندىكى خرىستىئانلارنىڭ يەر ئاستى قەبرىلىرى. شەرقنى مەنبە قىلغان بولۇپ، ئادەتتە مىلادى Ⅱ ئەسىردىن Ⅳ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە خرىستىئانلار رىم شەھىرىنىڭ سىرتىدا كولىغان قەبرە ئۆڭكۈرلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇزۇنلۇقى بىر كىلومېتر كېلىدۇ. قەبرە ئۆڭكۈر يولىنىڭ ئىككى يان تەرىپىدىكى ئويمان يېرىگە قازا تاپقانلار دەپنە قىلىنغان بولۇپ، بەزىدە دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا يىغىلىدىغان جاي قىلىنغان. Ⅳ ئەسىردە سانى كۆپەيگەن، بەزى قەبرىلەرنىڭ ئۈستى ئەگمە شەكىلدە ياسالغان ھەمدە ئىچكى قىسمى نەقىش ۋە رەسىملەر بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ، كېيىن خرىستىئانلارنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان جايىغا ئايلانغان. خرىستىئان دىنى قانۇنلاشقاندىن كېيىن، بولۇپمۇ Ⅴ ئەسىردە گوتلار، ۋانداللار قاتارلىق يات مىللەتلەرنىڭ بېسىپ كىرىشى بىلەن پەيدىنپەي تاشلىۋېتىلگەن. ⅩⅡ ئەسىرگە كەلگەندە كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ قالغان. يېقىنقى زاماندا قېزىش ئارقىلىق، دەسلەپكى خرىستىئان دىنىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن. 

رىم يوللىرى

  • رىم يوللىرى[يەشمىسى:] رىم دۆلىتى سىرتقا كېڭىيىپ ئىتالىيىنى بويسۇندۇرۇش جەريانىدا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرگىچە) ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەربىي ھۆكۈمرانلىق ئېھتىياجىنى كۆزلەپ ئارقا-ئارقىدىن بىر قىسىم يوللار (تاشيول) نى ياساتقان. ئاساسلىقلىرىدىن: (1) ئاپپىيە يولى (Via Appia). رىم شەھىرىدىن باشلىنىپ جەنۇبتا كامپانىيىدىكى كاپويىگە، ئاندىن شەرقىي جەنۇبتىكى تارېنتقا يېتىپ بارىدۇ. يەنە كالابرىيىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ئادرىياتىك دېڭىزدىكى برىندىس (Brundisium) پورتىغا يېتىپ بارىدۇ. (2) فلامىنىيە يولى (Via Flaminia). رىم شەھىرىدىن باشلىنىپ شىمالدا ئومبرىيە چېگرىسى ئارقىلىق، سېكۋانلارنىڭ ئادرىياتىك دېڭىزى بويىدىكى شەھىرى فانۇم فورتۇنا (Fanum Fortune) غا يېتىپ بارىدۇ. (3) ئېمىلىيە يولى (Via Aemilia). فانۇم فورتۇنادىن باشلىنىپ دەريانىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيىدىكى مۇتىنا ئارقىلىق پادۇس دەرياسى (Padus، پو دەرياسى) نىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى پلاسېنتىيە (Placentia) گە يېتىپ بارىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە رىم شەھىرىدىن باشلىنىپ، شىمالدا ئېمىلىيە يولى بىلەن قوشۇلىدىغان كاسسىيە (Via Cassia) يولى بار؛ رىم شەھىرىدىن باشلىنىپ، شەرقتە سامنىئى رايونىغا بارىدىغان لاتىن يولى (Via Latina) قاتارلىق يوللار بار. يوللارنىڭ كۆپىگە تاش ياتقۇزۇلغان، يولنىڭ ئۈستى بېلىق سىرتى قىلىپ ياسالغان بولۇپ، كەڭلىكىنى ئۆلچىشى خېلىلا توغرا، ئۇ رىم بىناكارلىق تارىخىدىكى بىر تۆھپە ھېسابلىنىدۇ. رىمنىڭ ئىتالىيە چېگرىسىنىڭ سىرتىغا قاراپ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ھەرقايسى مەمۇرىي ئۆلكىلەرمۇ كەڭ كۆلەمدە يول ياسىتىپ، بۇ يوللارنى رىم بىلەن تۇتاشتۇرغان؛ يوللاردا بىكەت قۇرۇپ، ئالماشتۇرىدىغان ئاتلارنى ھازىرلاپ، خەۋەر يەتكۈزۈپ تۇرغان. بۇ يوللار ھەرقايسى جايلاردىكى خەلقلەرنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا ئىلگىرى سۈرۈش رولىنىمۇ ئوينىغان. 

رىۋېرا

  • رىۋېرا[يەشمىسى:]1) مىگوئېل پرىمودىي رىۋېرا ئوربانېيا(Miguel Rrimode Riveray Orbaneja، 1870 — 1930) ئىسپانىيىلىك ھەربىي ۋە ئىستىبدات. كادىسىدا تۇغۇلغان. دەسلەپ ھەربىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان. 1898-يىلىدىكى ئىسپانىيە-ئامېرىكا ئۇرۇشىدا، كۇبا ۋە فىلىپپىندا ھەربىي سەپتە بولغان. 1909 — 1913-يىللىرى ماراكەشتە ھەربىي سەپتە بولغان. 1915-ۋە 1922-يىللىرى كادىس بىلەن بارسېلونادا ھەربىي قوماندان بولغان. 1923-يىلى پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، ھەربىي ھالەت قانۇنى ئېلان قىلىپ، ھەربىي كاتتىباشقا ئايلانغان. 1924-يىلى ماراكەشتىكى كېرەم رەھبەرلىكىدىكى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنى باستۇرغان. 1925 — 1930-يىللىرى زۇڭلى بولۇپ، چوڭ ھوقۇقنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، ئەمەلىيەتتىكى ئىستىبدات بولۇپ قالغان. كېيىن مەملىكەت ئىچىدە ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ كۆپىيىشى، پادىشاھ ۋە ئوفىتسېرلارنىڭ قوللىماي قويۇشى تۈپەيلىدىن، ۋەزىپىسىنى تاشلاپ پارىژغا كېتىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن پارىژدا كېسەل بىلەن ئۆلگەن. (2) دېگورىۋېرا (Diego Rivera، 1886 — 1957) مېكسىكىلىق رەسسام ۋە ھەيكەلتىراش. مېكسىكا تام سۈرەتلىرى ئىلمىي ئېقىمىغا ئاساس سالغۇچى. مېكسىكا تام سۈرەتچىلىكىدىكى ئۈچ ئەزىمەتنىڭ بىرى دەپ داڭقى بار.1896 - 1902-يىللىرى مېكسىكا شەھەرلىك گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ، مېكسىكىلىق گۈزەل سەنئەتچى پوسادا (Jose Cuadalupe Posada، 1851 — 1913) نىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. 1907 — 1921-يىللىرى ئىسپانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيىدە تۇرۇپ غەربىي ياۋروپا سەنئىتىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. پىكاسو (Picasso) بىلەن يېقىن ئالاقە قىلىپ كەلگەن. 1921-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. 1922-يىلى مېكسىكا كومپارتىيىسىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»، «كېتساركو ئاتىلىنىڭ رىۋايىتى»، «شانلىق غەلىبە» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. (3) خوسىي ئوستاسىئو رىۋېرا(Jose Eustasio Rivira، 1889 - 1928) كولومبىيىلىك شائىر، يازغۇچى. بۇرژۇئا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قانۇن ئۆگەنگەن. دەسلەپ ئادۋوكاتلىق قىلغان، كېيىن پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ۋېنسۇئېلا بىلەن كولۇمبىيە چېگرا كومىسسىيىسىنىڭ ئەزاسى سالاھىيىتى بىلەن ئامازون دەرياسى ۋادىلىرىدىكى ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانزارلىق رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، «قاينام» ناملىق مەشھۇر رومانىنى يېزىپ چىققان. بۇنىڭدا ئامازون رايونى ئىسسىق بەلباغ ئورمانزارلىقلىرىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قۇل قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىندىئانلار بىلەن ئارغۇن كاۋچۇكزارلىق ئىشچىلىرىنىڭ پاجىئەلىك ھاياتى سۈرەتلەپ بېرىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا كولۇمبىيە ئىسسىق بەلباغلىرىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىنى تەسۋىرلەيدىغان «خۇدا بەرگەن زېمىن» ناملىق ئون تۆت مىسرالىق شېئىرىمۇ بار.1928-يىلى نيۇ-يوركتا ۋاپات بولغان. 

رىۋىئېرې

  • رىۋىئېرې[يەشمىسى:]Henri Laurent Riviere، 3881 - 7281) فرانسىيە مۇستەملىكىچىسى، دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى. 1882-يىلى فرانسىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، خانۇينى ئىشغال قىلىۋالغان. 1883-يىلى نەندىڭنى ئىشغال قىلىۋالغان. ۋيېتنام فېئودال خاندانلىقى ۋيېتنامغا قېچىپ بارغان جۇڭگونىڭ قارا تۇغلۇق قوشۇنىنى فرانسىيىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ياردەمگە چاقىرغان. ئۇ شۇ يىلى 5-ئايدا خانۇينىڭ غەربىدىكى جىچاۋ كۆۋرۈكى جېڭىدە قارا تۇغلۇق قوشۇن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 

رىئېگو

  • رىئېگو[يەشمىسى:]Rafael del Riegoy Nunez، 3281 - 5871) ئىسپانىيىلىك ئىنقىلابچى. سۇنغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1808-يىلى ئوۋېيدو ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشتا يېرىم ئارال جېڭىگە قوماندانلىق قىلىپ ئەسىرگە چۈشۈپ، فرانسىيىدە تۇتقۇندا بولغان. كېيىن قېچىپ شۋېتسارىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيىگە بارغان. ئورتاق قۇتقۇزۇش ئۇيۇشمىسىغا قاتناشقان. 1814-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇستەبىت تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال قاتناشقان.1820-يىلى 1-ئايدا ئۆزىگە قاراشلىق باتالېئوننى باشلاپ قوزغىلاڭ قىلىپ، «1812-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن» نى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن «كۆزەتچى قوشۇن» نىڭ دىۋىزىيە كوماندىرى بولغان. 1820-يىلى 6-، 8-ئايلاردا «كۆزەتچى قوشۇن» نىڭ قوماندانى بولغان. 1820 - 1823-يىللىرىدىكى «رادىكال» لارنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. 1822-يىلى 3-ئايدا پارلامېنتنىڭ تۇنجى پارلامېنت باشلىقى بولۇپ سايلانغان. شۇ يىلى 7-ئايدا كورۇلنىڭ مۇھاپىزەت قوشۇنىنىڭ ئىسيانىنى باستۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىپ، «رادىكاللار» نىڭ 8-ئايدا ھۆكۈمەت تەشكىللىشىنى تېزلەتكەن. 1823-يىلى 9-ئايدا ئۇنىڭ قىسىملىرى ئىسپانىيە ئىنقىلابىغا مۇداخىلە يۈرگۈزگۈچى فرانسىيە قوشۇنى تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان، ئۆزى كورۇل تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 

رىئېگو قوزغىلىڭى

  • رىئېگو قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ئىسپانىيە ھەربىيلىرىنىڭ فېردىناند Ⅶ نىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. 1819-يىلى ئىسپانىيىگە قاراشلىق ئامېرىكا مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئىسپانىيىنىڭ 20 مىڭ كىشىلىك يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى كادىسقا توپلانغان. بەزى لېبىرالىزملىق ئىدىيىسىدىكى ئوفىتسېرلار قوشۇن ئىچىدىكى نارازىلىق كەيپىياتتىن پايدىلىنىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ، مەغلۇپ بولغان. رىئېگو بەختكە يارىشا قۇتۇلۇپ قالغان. 1820-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى رىئېگو ئۆزىگە قاراشلىق قىسىمنى باشلاپ قوزغىلاڭ قىلغان. «1812-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن» نى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان. يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنىنىڭ قوماندانلىق شتابىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، لېئون ئارىلىغا يۈرۈش قىلغان ھەمدە باشقا سۇيىقەستچىلەردىن تۈرمىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن بۇ ئارالغا باشلاپ كەلگەن نەچچە مىڭلىغان ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەر بىلەن ئۇچراشقان. 1-ئاينىڭ ئاخىرى رىئېگو 1500 كىشىنى باشلاپ ئاندالۇسىيىگە يۈرۈش قىلغان. بىراق ئېغىر چىقىمغا ئۇچرىغانلىقتىن تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. لېئون ئارىلىنى ساقلاۋاتقان 3000 كىشىلىك قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىمۇ تۆت تەرەپتىن قامال ئىچىدە قېلىپ ئىلاجىسىز تەسلىم بولغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ گەرچە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەرەپ-تەرەپتىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، 1820 - 1823-يىللىرىدىكى ئىسپانىيە ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاپ بەرگەن. 

رىئېگو-نۇنېس

  • رىئېگو-نۇنېس[يەشمىسى:] يەنى «رىئېگو». 

رىئېنزو

  • رىئېنزو[يەشمىسى:]Cola di Rienzo، 4531 - 3131) ئىتالىيە سىياسىئونى. ئەسلىدە گۇۋاھچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. پاپا ئاۋىگنون دەۋرىدە (7731 - 9031) رىم ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ زورلۇق بىلەن تۈرلۈك ئالۋان-ياساق ئالغانلىقى قول سانائەتچىلەر ۋە سودىگەرلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىۋەتكەن. 1347-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۇ رىمدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغان، ئۆزى ترىبون بولغان. يېڭى ھاكىمىيەت شەھەر قوراللىق كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، ئاقسۆڭەكلەرنى جۇمھۇرىيەتكە سادىق بولۇشقا قەسەم بېرىشكە مەجبۇر قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە باج تۈزۈمىنى تەرتىپكە سالغان، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئاقسۆڭەكلەر مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، شۇ يىلى 12-ئايدا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، رىمنى يېڭىباشتىن بېسىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئابرۇززى (Abruzzi، رىمنىڭ شەرقىي شىمالىدا) تاغلىق رايونغا قېچىپ كەتكەن.1350-يىلى يەنە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى چارلىس Ⅳ دىن ياردەم تىلەش ئۈچۈن پراگاغا بارغاندا قولغا ئېلىنغان ھەمدە ئاۋىگنونغا ئاپىرىپ، پاپانىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. يېڭى پاپا ئىننوسېن Ⅵ پاپا دۆلىتىدىكى ھۆكۈمرانلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنغان.1354-يىلى 8-ئايدا ئۇ ياللانما قوشۇننى باشلاپ رىمنى ئىشغال قىلىپ، جۇمھۇرىيەتنى يېڭىباشتىن قۇرغان. ياللانما قوشۇنىنى ساقلاپ قېلىش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، باجنى كۆپەيتىشكە مەجبۇر بولغان، ھەتتا ئاھالىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان. شۇ سەۋەبتىن ئاممىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلغان. شۇ يىلى10-ئاينىڭ 8-كۈنى رىمدا يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەندە ئۆلتۈرۈلگەن. 

رىيۇرىك

  • رىيۇرىك[يەشمىسى:]Рюрик، ؟— 978) شىمالىي ياۋروپادىكى نورماندىلارنىڭ ھەربىي يولباشچىسى. نوۋگورود گېرتسوگى (978 - 268). ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 862-يىلى ئۆزىنىڭ قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىپ نوۋگورود ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالغان. كېيىن ئەتراپتىكى بولوسىكلار بىلەن كرىۋىچىلار (Кривичи) دىن باج-خىراج ئالغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئولېگ (ئۇنىڭ تۇغقىنى)، ئىگور (ئوغلى) كىيېۋ ۋە يېقىن ئەتراپتىكى كىنەزلىكلەرنى بويسۇندۇرۇپ، پراۋىسلاۋيانلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كىيېۋرۇس كىنەزلىكىنى شەكىللەندۈرگەن.

رىيۇرىك خاندانلىقى

  • رىيۇرىك خاندانلىقى[يەشمىسى:] قەدىمكى رۇس كىنەزلىرىنىڭ فېئودال خاندانلىقى. رۇس دۆلىتىدىكى تۇنجى خاندانلىق. مىلادى Ⅹئەسىردە كىيېۋ كىنەزى ئىگور قۇرغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىگور رىيورىكنىڭ ئوغلى بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. Ⅸ ئەسىردىن Ⅺ ئەسىرگىچە دۆلەت قۇدرەت تاپقان. ⅩⅡ ئەسىردىن كېيىن، فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى راۋاجلانغانلىقتىن ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى ناتۇرال ئىگىلىك ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكتىن، كىيېۋ-رۇس كىنەزلىكى 10 نەچچە فېئودال كىنەزلىك (بەگلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ) كە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىملىرى كىيېۋ، چېرىنگوۋ، گالىچ، سىمولىنىسك، پولوتىسك-مىنسىك، تۇرۇۋوپىنسىك، رەيازان، نوۋگورود، ۋلادىمىر ۋە پىسكوۋ قاتارلىق كىنەزلىكلەردىن ئىبارەت، رىيورىك خاندانلىقى شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن تارماقلارغا بۆلۈنگەن، ھەربىر كىنەزلىكتە بىر ھۆكۈمرانلىق تارمىقى بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە مونوماشىچى (Мономашичи) تارمىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان. موسكۋا كىنەزلىكى ۋە چارپادىشاھى مۇشۇ تارماققا مەنسۇپ ئىدى. ئىۋانⅢ دەۋرىدە، بىرلىككە كەلتۈرۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندالغان بولۇپ، روسىيە ھوقۇق مەركەزلەشكەن فېئوداللىق دۆلەتكە ئايلانغان. رىيۇرىك خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى چارپادىشاھى فېيېدور ئىۋانوۋىچ (фёдор Иванович، 1557 — 1598) ئۆلگەندىن كېيىن ۋارىسى بولمىغاچقا، 1613-يىلى ئۇنىڭ ئورنىنى رومانوۋ (Романовы) خاندانلىقى ئىگىلىگەن.