ژ
ژدانوۋ
ژورېس
ژۇپا
ژۇكوۋ
ژۇكوۋىسكىي
ئىزاھى
ژدانوۋ[يەشمىسى:] Андрей Александровч Жданов، 1896 — 1948) سابىق سوۋېت كومپارتىيىسى ۋە دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. مارىئۇپول (Мариулоль، ھازىرقى ژدانوۋ شەھىرى) دا مۇپەتتىش ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1915-يىلى روسىيە سوتسىيال-دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) گە قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەسكەرلەر ئارىسىدا پارتىيىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.1917—1918-يىللىرى ئورالدا سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. شادرىنسك (Шадринск) تا ئىشچى-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتىنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، قىزىل ئارمىيىدە سىياسىي خىزمەت ئىشلىگەن. 1922 — 1934-يىللىرى سوۋېت كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) تۆۋەن نوۋگورد ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋە گوركىي رايونلۇق كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1930 — 1939-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن سوۋېت كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرىتارى، سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بولغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە، لېنىنگراد ئالدىنقى سەپ ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، لېنىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشىغا بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلغان. 1944-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرال پولكوۋنىكىلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى سوۋېت كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي سېكرىتارىياتىدا ئىشلەشكە يۆتكەلگەن. پەلسەپە، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار كۆپ خىل ئەسەرلەرنى يازغان.
ژورېس[يەشمىسى:]Jean Jaures، 1859 — 1914) فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. تارىخشۇناس، پەيلاسوپ. 1881-يىلى پارىژ ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپى پەلسەپە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئالبى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولغان؛ 1883-يىلى تۇلۇس داشۆسىدە لېكتور بولغان. 1885-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1889-يىلغا كەلگەندە پارلامېنت ئەزالىقىدىن قېپقېلىپ، تۇلۇس داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان ھەمدە دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى «دۇنيانىڭ رېئاللىقىنى ھېس قىلىش» نى يازغان. 1890-يىلى سوتسىيالىزمغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىغان. 1893-يىلى قايتىدىن پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1899-يىلى مىللېراندنى قوللاپ ئىچكى كابىنېتقا كىرگەن. 1901-يىلى ئۇنىڭ باشچىلىقىدا فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قۇرۇلغان. 1902-يىلى يەنە پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. ئىككىنچى يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1904-يىلى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئورگان گېزىتى «يومانتى گېزىتى»نى تەسىس قىلغان. 1905-يىلى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى گېئودې ۋە لافارگ رەھبەرلىكىدىكى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ فرانسىيە بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى (ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالى فرانسىيە ياچېيكىسى) بولغان ھەمدە مەزكۇر پارتىيىنىڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە رەھبىرىگە ئايلانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاشتىن ئىلگىرى مۇستەملىكىچىلىك كېڭەيمىچىلىككە، مىلىتارىستلىق ۋە جاھانگىرلىك ئۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرغان. 1914-يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «سوتسىيالىستىك فرانسىيە ئىنقىلابىي تارىخى»، «سوتسىيالىزم تەتقىقاتى»، «پارلامېنتتا سۆزلىگەن نۇتۇقلار توپلىمى» ۋە «ژورېس ئەسەرلىرى» قاتارلىقلار بار.
ژۇپا[يەشمىسى:]Жупа نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى) ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى جەنۇبىي سىلاۋىيانلار بىلەن غەربىي سلاۋىيانلارنىڭ ئورۇقداشلىق جامائەسى تەرىپىدىن ئۇيۇشقان رايون خاراكتېرلىك بىرلەشمە. ئادەتتە جىلغا ئەتراپلىرىدا بارلىققا كەلگەن. ژۇپانىڭ باشلىقى ژۇپان (Жупан) دەپ ئاتالغان. دەسلەپكى مەزگىللىرى ئۇرۇقداشلارنىڭ ئاقساقىلى بولغان، كېيىن فېئودالغا ئايلانغان. مىلادى Ⅷ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە جەنۇبىي سلاۋىيانلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا قوشنا ئۆتكەن بىرقانچە ژۇپالار بىرلىشىپ چوڭ ژۇپا (كىنەزلىك) بولغان، ئۇنىڭ باشلىقى چوڭ ژۇپان (كىنەز) دەپ ئاتالغان. كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە ژۇپا بىر خىل مەمۇرىي رايون بولۇپ قالغان.
ژۇكوۋ[يەشمىسى:] Георгий Конcтанти нович Жуков، 1896 — 1974) سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى. دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا تېرە ماللار ئىشچىسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن قىزىل ئارمىيىگە قاتناشقان. 1919-يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1931-يىلى فرۇنزې ھەربىي ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1937-يىلى ئۈچىنچى ئاتلىق ئەسكەرلەر ئارمىيىسىنىڭ كوماندىرى بولغان. ئىككىنچى يىلى بېلوروسىيە ئالاھىدە ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان. 1939-يىلى موڭغۇلىيىدە تۇرۇشلۇق سوۋېت ئارمىيىسى بىرىنچى جۈنتۇەنىنىڭ قوماندانى بولغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابىنىڭ ئەزاسى، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيىسى قوماندانى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن كومىسسارى، ئالىي مۇئاۋىن قوماندان بولۇپ، موسكۋا، ستالىنگراد، كۇرسك ۋە بېرلىن ئۇرۇشلىرىغا قوماندانلىق قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋەكالىتەن گېرمانىيىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئىگىلەپ تۇرغان رايوننىڭ ئالىي مەمۇرىي ئەمەلدارى ۋە گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1946-يىلى سوۋېتكە قايتىپ كېلىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋە قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانى بولغان. 1953-يىلى ستالىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1955-يىلى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1957-يىلى 6-ئايدا پارتىيە مەركىزى پىرىزدىئومىنىڭ ئەزاسى بولغان، شۇ يىلى 10-ئايدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. ئۇنىڭ «ئەسلىمە ۋە مۇلاھىزە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
ژۇكوۋ[يەشمىسى:]Евгений Миханㄟлович Жуков، 1907 — 1980) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق تارىخشۇناس. 1924-يىلى لېنىنگراد ھازىرقى زامان شەرق تىلى شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1928-يىلى ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈش ئۈچۈن ياپونىيىگە بارغان. 1929-يىلدىن باشلاپ لېنىنگراد داشۆسى ۋە لېنىنگراد شەرق شۆيۈەنىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1943— 1950-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىنچ ئوكيان تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1944-يىلى پروفېسسورلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، موسكۋا داشۆ تارىخ فاكۇلتېتى يىراق شەرق دۆلەتلىرى تارىخىي كافىدراسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. 1946 — 1976- يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتى، ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تەتقىقات بۆلۈمىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. 1958-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. 1968-يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دۇنيا تارىخى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇزۇن مۇددەت ياپونىيىنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىي ھەمدە يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخى شۇنىڭدەك مۇستەملىكە مەسىلىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1939-يىلى «ياپونىيە تارىخى» نى نەشىر قىلدۇرغان، بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ياپونىيە تارىخىغا ئائىت تۇنجى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. «دۇنيا ئومۇمىي تارىخى»(13 توم، 11 تومى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان)، 16 توملۇق «سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخى قامۇسى» نى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان ھەمدە «1939 — 1945-يىللىرىدىكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. يەنە «يىراق شەرق خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخى» (خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان)، «يىراق شەرق دۆلەتلىرىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى» ۋە «ياپونىيە جاھانگىرلىكى» قاتارلىق كىتابلىرى بار.
ژۇكوۋىسكىي[يەشمىسى:]1) ۋاسلىي ئاندرىيېۋىچ ژۇكوۋىسكىي (Василий Андреевич Жуковский، 1783 — 1852) روسىيىلىك شائىر، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۆتكەن رومانتىزمچىلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئوردا ئوقۇتقۇچىسى بولغان. سىياسىي جەھەتتە مۇتەئەسسىپ ئاقسۆڭەكلەر مەيدانىدا تۇرغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھەسرەت-نادامەت ۋە دىنىي پۇراق بىلەن توشقان. «يېزىدىكى قەبرىستانلىق»، «كەچ»، «زەردار بىلەن ئېيسىخېن» قاتارلىق مەرسىيىلىرى، «ليۇدمىلا»، «سىۋېتلانا» ۋە «ئۇخلاپ قالغان ئون ئىككى ساھىبجامال» قاتارلىق باللادىلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا چەت ئەلنىڭ كۆپلىگەن قەدىمكى داستانلىرىنى تەرجىمە قىلغان. (2) نىكولاي ئېگوروۋىچ ژۇكوۋىسكىي (Нисолай Егорович Жуковский، 1847 — 1921) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ئالىم. ھازىرقى زامان سۇيۇقلۇق مېخانىكىسى ۋە گاز مېخانىكىسىنىڭ ئاساسچىسى. موسكۋا داشۆسى ۋە ئالىي تېخنىكۇم مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن مەركىزى سۇيۇقلۇق جىسىم دىنامىكىسى تەتقىقات ئورنىنى تەسىس قىلغان. ئاۋىئاتسىيە مېخانىكىسىنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئايروپىلان قانىتىنىڭ لەيلىتىش كۈچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆلچەش قانۇنىنى تېپىپ، ئايروپىلاننىڭ ئەڭ مۇۋاپىق قانات شەكلىنى ۋە پروپېللىر ياپراقچىلىرىنىڭ كەسمە يۈزى قاتارلىقلارنى بەلگىلەپ چىققان. ئۇنىڭدىن باشقا يۈرگۈزۈش تەكشىلىك نەزەرىيىسى، ماشىنا باشقۇرۇش نەزەرىيىسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلغان. لېنىن ژۇكوۋىسكىينى «روسىيە ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتىغان.