غ🔗

غ

غارلاردىكى توپا دۆۋىسى

غازنىڭ رىمنى قۇتۇلدۇرۇشى

غالىب

غەربنىڭ زاۋالغا يۈز تۇتۇشى

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى

غەربىي بۇلغارىيە پادىشاھلىقى

غەربىي پرۇسسىيە

غەربىي جەنۇپ ئۇرۇشى

غەربىي شارپىن جۇمھۇرىيىتى

غەربىي گوت پادىشاھلىقى

غەربىي ئىندىئان مەھكىمىسى

غەربىي ئودورىك

غەربىي ياۋروپا ئىتتىپاقى

غەزەپلەنگۈچىلەر

غەلىتە ئۇرۇش

غەلىتە ئىتتىپاق

غەمسىز شاھ

غەزنەۋىلەر سۇلالىسى

ئىزاھى

غارلاردىكى توپا دۆۋىسى

  • غارلاردىكى توپا دۆۋىسى[يەشمىسى:] تاش قورال دەۋرىدە ئىنسانلار ياشىغان تەبىئىي غارلار ئىچىدە دەۋرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەن ياكى تەبىئىي شەكىللەنگەن بەلگىلىك قاتلامدىكى دۆۋىلەر بولۇپ، ئادەتتە غارلاردىكى دۆۋە دەپ ئاتالغان. دۆۋىنىڭ ئارىسىدا تاشقا ئايلانغان ئادەم ۋە ھايۋانلار، تاش قوراللار، يېمەكلىكلەرنىڭ قالدۇقلىرى، سۆڭەك قوراللار، سېلىنچا شاخ-شۇمبا ۋە ئوت-چۆپلەر، ئوت ئىشلىتىلگەن ئىزلار ھەمدە تەبىئىي چىرىش تۈپەيلىدىن تۆكۈلگەن تاش پارچىلىرى، شامال ئۇرۇپ كىرگەن قۇم-توپا قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇنىڭدا تارىختىن ئىلگىرىكى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئىزلىرى ساقلانغان. تارىختىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

غازنىڭ رىمنى قۇتۇلدۇرۇشى

  • غازنىڭ رىمنى قۇتۇلدۇرۇشى[يەشمىسى:]رىمنىڭ قەدىمكى تارىخىدىكى بىر رىۋايەت. تەخمىنەن مىلادىدىن 390 يىل ئىلگىرى، ئىتالىيىنىڭ شىمالى ۋە ھازىرقى فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ياشىغان بىر تۈركۈم قەيسەر خەلق — گال-لىلار (كېلتالار) برېننۇس (Brennus) نىڭ باشچىلىقىدا رىمغا ئۇدۇل باستۇرۇپ كەلگەن. رىملىقلار شەھەرنىڭ يېنىدىكى ئاللىيە (Allia) دەرياسىنىڭ بويىدا مەغلۇپ بولغان (ئېيتىشلارغا قارىغاندا 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىكەن، كېيىن بۇ كۈن رىمنىڭ قارىلىق كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن). جەڭدە يېڭىلگەن بىر قىسىم رىم ئەسكەرلىرى رىمغا چېكىنىپ كىرىپ، كاپتولىن تېغى (شەھەرنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدا) نى ساقلىغان، رىم شەھىرى خەۋپ ئاستىدا قالغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر كۈنى كېچىدە گاللىلار كاپتولىنغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغان، بەختكە يارىشا ئىبادەتخانىدىكى غازلار چۆچۈپ غاقىلداپ، قاتتىق ئۇخلاۋاتقان رىم ئەسكەرلىرىنى ئويغىتىۋەتكەن، ئۇلار گاللىلارنى چېكىندۈرۈپ رىم شەھىرىنى ساقلاپ قالغان. كېيىن گاللىلار رىملىقلاردىن 1000 قاداق ئالتۇن ئۈندۈرۈۋېلىپ، ئاندىن باشقا جايغا كېتىشكەن. بۇ رىۋايەت رىم دۆلىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئۇنىڭ قىيىن شارائىتتا تۇرغانلىقىنى ئازدۇر-كۆپتۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. 

غالىب

  • غالىب[يەشمىسى:]Mirza Ghalib، 1796 — 1869) ھىندىستانلىق شائىر، پروزىچى ۋە پەيلاسوپ. ئىسلام دىنى سوفىزم مۇرىتى. مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى ۋە فېئوداللىق ئېزىشكە قارشى تۇرغان. جانلىق ئوردۇ تىلىدا ئەسەر يېزىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوردۇ تىلىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ۋە پارىس تىلىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئوردۇ تىلىدا يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئوردۇ تىلى ئەدەبىياتىدىكى يېڭى ئېقىم بىلەن كونا ئېقىمدىن ئىبارەت ئىككى مەزھەپنىڭ بۇرۇلۇش ياساش دەۋرىنىڭ ۋەكىلى. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «مەكتۇپلار توپلىمى»، «غالىب شېئىرلىرى» قاتارلىقلار بار. 

غەربنىڭ زاۋالغا يۈز تۇتۇشى

  • غەربنىڭ زاۋالغا يۈز تۇتۇشى[يەشمىسى:] كىتاب نامى. گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس، پەيلاسوپ سپېنگلېر (Oswald Spengler) نىڭ ئەسىرى.1917-يىلى يېزىپ چىققان،1918 — 1922-يىللىرى نەشىر قىلىنغان. ئىككى توم. ئاپتور كىتابىدا بىر يۈرۈش تارىخ پەلسەپىسىنى يارىتىپ، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ھالاكەت يولىغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان. ئاساسلىق نۇقتىئىنەزەرى: دۇنيادا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۆز ئالدىغا سىستېما بولۇپ شەكىللەنگەن سەككىز خىل مەدەنىيەت بولغان؛ ھەربىر خىل مەدەنىيەت، خۇددى ئورگانىك ماددىغا ئوخشاش ۋۇجۇدقا كېلىش، ئۆسۈپ يېتىلىش، زەئىپلىشىش ۋە ھالاك بولۇشتىن ئىبارەت ھاياتىي دەۋرىيلىكنى باشتىن كەچۈرگەن؛ ھازىرغىچە بولۇپ ئۆتكەن سەككىز خىل مەدەنىيەتنىڭ يەتتە خىلى ئاللىقاچان زەئىپلىشىپ كەتتى ياكى ھالاك بولدى، ئەڭ ئاخىرقى بىر خىل غەرب مەدەنىيىتىمۇ كۈنسايىن زاۋالغا يۈزلەنمەكتە، دېگەندىن ئىبارەت. بۇ خىل تارىخ پەلسەپىسى «مەدەنىيەت فورماتسىيىلىرى تارىخى قارىشى» ياكى «مەدەنىيەت فورماتسىيىلىرى ئىلمى» دەپمۇ ئاتىلىپ، غەرب بۇرژۇئازىيىسىنىڭ جاھانگىرلىك باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىنكى بىر خىل ئۈمىدسىزلىك روھىي ھالىتىنىڭ ئىنكاسى ھېسابلىنىپ، 30-يىللاردا گېرمانىيە فاشىزمىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ كىتاب خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان. 

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى

  • غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى[يەشمىسى:]غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى. 1972-يىلى 4-ئايدا نېگىرىيە ۋە توگونىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بارلىق غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1975-يىلى 5-ئايدا نېگىرىيە، گۋىنىيە، مالى قاتارلىق غەربىي ئافرىقىدىكى 15 دۆلەتنىڭ ۋەكىلى نېگىرىيىنىڭ پايتەختى لاگوستا «غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغاندا قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. شەرتنامىدە ئورتاق گەۋدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك، قاتناش-ترانسپورت ۋە سودا جەھەتلىرىدىكى ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا بېجىنى پەيدىنپەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئورتاق تاشقى چېگرا بېجى سىياسىتىنى پەيدىنپەي ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە باشقىلار دەپ بەلگىلەنگەن. 1983-يىلى 5-ئايدا ئورتاق گەۋدىنىڭ 8-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا ئورتاق گەۋدە چېگرا بېجى ئىتتىپاقى ۋە غەربىي ئافرىقا رايونىدا بىر تۇتاش پۇل رايونى قۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا قارار چىقارغان. دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى ئورتاق گەۋدىنىڭ ئاساسلىق ئورگىنى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا مىنىستىرلار ھەيئەتلىرى يىغىنى، ئىجرائىي كاتىبات باشقارمىسى، ئورتاق گەۋدە سوتى ۋە تېخنىكا، كەسپىي كومىتېتى تەسىس قىلىنغان. باش شتابى لاگوستا تەسىس قىلىنغان. 

غەربىي بۇلغارىيە پادىشاھلىقى

  • غەربىي بۇلغارىيە پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]«سامۇئىل» غا قارالسۇن. 

غەربىي پرۇسسىيە

  • غەربىي پرۇسسىيە[يەشمىسى:]Westpreussen) تارىخىي رايون نامى. تەخمىنەن پولشانىڭ شەرقىي پومورزى (Pomorze) رايونىغا يەنى گدانسكى رايونىغا باراۋەر كېلىدۇ. تيوتون رىتسارلار پولكى ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا شەرقىي پرۇسسىيىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ⅩⅣ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە غەربىي پرۇسسىيىنىمۇ ئىشغال قىلغان. 1466-يىلى پولشا تيوتون رىتسارلار پولكىنى مەغلۇپ قىلىپ، غەربىي پرۇسسىيىنى قايتۇرۇۋالغان. شەرقىي پرۇسسىيە يەنىلا رىتسارلار پولكىنىڭ قولىدا قالغان بولسىمۇ لېكىن پولشاغا بويسۇنىدىغان بولغان. 1772-يىلى غەربىي پرۇسسىيە پرۇسسىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1919-يىلىدىكى «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى» غا ئاساسەن، بىر قىسمى پولشاغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. گدانسكى خەلقئارا نازارەت ئاستىدىكى ئەركىن شەھەر قىلىنغان، يەنە بىر قىسمى شەرقىي پرۇسسىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا بۆلۈپ بېرىلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1945-يىلىدىكى پوتسىدام يىغىنىدا پۈتۈن غەربىي پرۇسسىيىنى پولشاغا قوشۇپ بېرىش قارار قىلىنغان.

غەربىي جەنۇپ ئۇرۇشى

  • غەربىي جەنۇپ ئۇرۇشى[يەشمىسى:]ياپونىيىنىڭ مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش مەزگىلىدە ئادەتتىكى ئاقسۆڭەكلەر جەمەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق قوراللىق توپىلىڭى. سايگو تاكامورى ۋەزىپىسىدىن قېلىپ، يۇرتىغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، كاگوشما ناھىيىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «خۇسۇسىي مەكتەپ» ئېچىپ، ھەربىي تايانچلارنى يېتىشتۈرۈپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشقان. 1877-يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنى «خۇسۇسىي مەكتەپ» تىكى ئادەتتىكى ئاقسۆڭەكلەر جەمەتلىرىنى باشلاپ ئىسيان كۆتۈرگەن، ناھىيىدىكى ۋە كيۇشۇنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئادەتتىكى ئاقسۆڭەكلەر جەمەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئاۋاز قوشۇپ، بىر مەھەل ئومۇمىي ئەسكىرىي كۈچى 40 مىڭدىن ئارتۇقراققا يەتكەن. مېيجى ھۆكۈمىتى ئارىسۇگاۋا نومىياتارا ھىتو شاھزادىنى جازا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننىڭ باش لەشكەر بېشى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرال لېيتنانتى ياماگاتا ئارىتومو ۋە دېڭىز ئارمىيە گېنېرال لېيتنانتى كاۋامارا سۇميۇشنى جازا يۈرۈشى قىلغۇچى قوشۇننىڭ باش مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەپ، زور قوشۇن (ئومۇمىي ئەسكىرىي كۈچى 60 مىڭدىن ئاشىدۇ) يۆتكەپ، باستۇرۇشقا ئەۋەتكەن. 4-ئاينىڭ 15-كۈنى كۇماموتونى مۇھاسىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، 6-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتويوشنى ئىگىلەپ، 7-ئاينىڭ 24-كۈنى مىياكونوجونى قايتۇرۇۋېلىپ، 7-ئاينىڭ 31-كۈنى مىيازاكى ۋە ساتوبارانى ئالغان.9-ئاينىڭ 24-كۈنى توپىلاڭچى قوشۇننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بازىسى كاگوشما تاغلىق شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. سايگو تاكامورى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان؛ كىرىنو توشىئاكى، مۇراتا شىنپاچى قاتارلىقلار ئۇرۇشتا ئۆلگەن ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. 

غەربىي شارپىن جۇمھۇرىيىتى

  • غەربىي شارپىن جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:] يەنى «ئالپ تاغلىرى جەنۇبىي جۇمھۇرىيىتى». 

غەربىي گوت پادىشاھلىقى

  • غەربىي گوت پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]گوتلارنىڭ غەربىي تارمىقى قۇرغان فېئودال پادىشاھلىق. مىلادى 401-يىلى، غەربىي گوتلار ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى ئالارىك Ⅰ نىڭ باشلامچىلىقىدا ئىتالىيىگە بېسىپ كىرگەن. 410-يىلى 8-ئايدا رىم شەھىرىنى ئىگىلەپ، ئۈچ كۈن تالان-تاراج قىلغان. ئالارىك ئۆلگەندىن كېيىن، غەربىي گوتلارگاللىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا كىرىپ، 419-يىلى تۇلۇس (Tou louse)شەھىرىنى پايتەخت قىلىپ، غەربىي گوت پادىشاھلىقىنى رەسمىي قۇرۇپ چىققان. ئېئۇرىك تەختتىكى مەزگىلدە(466 — 484) زېمىنى گاللىيىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمىنى ھەمدە ئىسپانىيىنىڭ كۆپ قىسمى (غەربىي جەنۇب قىسمىلا سۇئېۋى پادىشاھلىقىنىڭ قولىدا ئىدى) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئالارىك Ⅱ فرانك پادىشاھى كلوۋى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، غەربىي گوت پادىشاھلىقىنىڭ سېپتىمانىيە (Septimania، رونا دەرياسىنىڭ ئېغىزىدىن پىرېنېي تېغىغىچە بولغان دېڭىز بويى رايونلىرى) دىن باشقا، گاللىيىدىكى زېمىنى فرانكلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېڭى پايتەختنى تولېدو (Toledo، ئىسپانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا) شەھىرىدە تەسىس قىلغان. 544-يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويى رايونلىرىنى بېسىۋالغان. لېئوۋىگىلد (Leovigild)تەختتىكى مەزگىلدە (569 — 586)، تەخمىنەن 585-يىلى سۇئېۋى پادىشاھلىقىنى قوشۇۋېلىپ ھەمدە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ئىگىلىۋالغان زېمىنىنى قايتۇرۇۋالغان. غەربىي گوتلار گاللىيە ۋە ئىسپانىيىگە كىرگەندىن كېيىن، رىم مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇرۇقداشلىق تەشكىلاتلىرى تېز يىمىرىلگەن، ئاقسۆڭەك، خاس نۆكەر ۋە چېركاۋلار چوڭ يەر ئىگىلىرىگە، ئادەتتىكى ئۇرۇق ئەزالىرى بېقىندى دېھقانلارغا ئايلانغان. 711-يىلى ئەرەبلەر ئىسپانىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، 714-يىلى غەربىي گوت پادىشاھلىقىنى يوقاتقان. غەربىي گوتلار شىمالدىكى ئاستۇرىيە رايونىغا چېكىنگەن، كېيىن بۇ رايون ئىسپانىيىنىڭ قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئوچىقى بولۇپ قالغان. 

غەربىي ئىندىئان مەھكىمىسى

  • غەربىي ئىندىئان مەھكىمىسى[يەشمىسى:]ئىندىئان پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي ھەيئەت مەھكىمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى مۇستەملىكە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ئەڭ ئالىي ئورگان. 1524-يىلى رەسمىي قۇرۇلغان. 1542-يىلىدىن باشلاپ دائىملىق ئورگىنى مادرىدتا تەسىس قىلىنىپ، بىۋاسىتە پادىشاھنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. بىر نەپەر چوڭ سوتچى، بىرنەچچە نەپەر كېڭەش پالاتاسى ئەمەلدارى، بىر نەپەر باش تەپتىش قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن تەركىب تاپقان. بۇلاردىن باشقا، بىرمۇنچە كاتىپ ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى بولغان. مەمۇرىي ۋە دىنىي ئەمەلدارلارنى تەيىنلەش، مالىيە كىرىم-چىقىمنى نازارەت قىلىش، مۇستەملىكىلەردىكى ئېكسپېدىتسىيە پائالىيىتىنى تەكشۈرۈپ بەلگىلەش، ئالاقىدار ئەرز دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ھەر خىل قانۇن ۋە قائىدىلەرنى تۈزۈپ چىقىشتىن ئىبارەت كەڭ ھوقۇققا ئىگە بولغان. 1680-يىلى «غەربىي ئىندىئان قانۇن تۈرلىرى» نى توپلاپ نەشىر قىلغان. 1790-يىلىدىن كېيىن كۆپلىگەن ھوقۇقلىرى تارتىۋېلىنىپ، پادىشاھنىڭ مەسلىھەت ئورگىنىغا ئايلىنىپ قالغان. 1812 — 1814-يىللىرى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن باشقا، 1834-يىلى 3-ئايغا كەلگەندىلا بىكار قىلىنغان. جەمئىي 310 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. 

غەربىي ئودورىك

  • غەربىي ئودورىك[يەشمىسى:]«تېئودورىك» قا قارالسۇن.

غەربىي ياۋروپا ئىتتىپاقى

  • غەربىي ياۋروپا ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]1955-يىل 5-ئاينىڭ 6-كۈنى قۇرۇلغان. 1954-يىل 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىمزالانغان «پارىژ كېلىشىمى» گە ئاساسەن، بريۇسسېل شەرتنامە تەشكىلاتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن. ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليۇكسېمبۇرگ ۋە ئىتالىيە ئەزا بولغان. ۋەزىپىسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى، قوراللىق قىسىملىرى ۋە ھەربىي قورال-ياراق ئىشلەپچىقىرىشنى ماسلاشتۇرۇش ھەمدە سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە قانۇن جەھەتلەردە ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت. مىنىستىرلار ھەيئەت يىغىنى، پارلامېنتى ۋە كاتىبات باشقارمىسى قاتارلىق ئورگانلىرى تەسىس قىلىنغان. باش ئورگىنى لوندوندا.

غەزەپلەنگۈچىلەر

  • غەزەپلەنگۈچىلەر[يەشمىسى:] يەنى «سەۋدايىلار».

غەلىتە ئۇرۇش

  • غەلىتە ئۇرۇش[يەشمىسى:]ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدىكى1939-يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 1940-يىل 5-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە فرانسىيە ۋە ئەنگلىيىنىڭ فاشىست گېرمانىيىگە قارشى ئۇرۇش باسقۇچىنىڭ ھۈججەتلەردىكى ئاتىلىشى. گېرمانىيە پولشاغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن پولشاغا ئەمەلىي ھەربىي ياردەم بەرمىگەن. 1939-يىلى 5-ئايدىكى «فرانسىيە-پولشا كېلىشىمى» دە ناۋادا پولشا گېرمانىيىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، فرانسىيە ھاۋا ئارمىيىسى دەرھال ھەرىكەت قوللىنىدۇ، قۇرۇقلۇق ئرمىيىسى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىنكى 16 كۈن ئىچىدە ھايال قالماي ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. لېكىن فرانسىيە-گېرمانىيىە ئۇرۇش ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ھاۋا ئارمىيىسى دۈشمەن تەرەپكە تەشۋىقات ۋەرەقىسىلا تاشلىغان. قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى زىگفرىد مۇداپىئە سېپىنىڭ ئالدىنقى لىنىيىسىگە يېتىپ بېرىپلا توختاپ قالغان ھەمدە سائاربريۇكېن قاتارلىق رايونلاردا گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن بىرنەچچە قېتىم تۇتۇشقان. 10-ئاينىڭ 1-كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسى شەرقىي سەپتىن ياردەمچى قوشۇن يۆتكەپ كەلگەن ھەمدە 16-كۈنى قايتۇرما زەربىگە ئۆتكەن، فرانسىيە ئارمىيىسى ئەسلىدە يولغا چىققان جايىغا چېكىنگەن. خېلىلا ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە، ئەنگلىيە-فرانسىيە ئارمىيىسى بىلەن گېرمانىيە ئارمىيىسى ئۆز ئاكوپلىرىدا جىم ئولتۇرۇپ بىر-بىرىنى كۆزەتكەن، جەڭ قىلمىغان، ئۇرۇش تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان ئۇرۇش ئېلان قىلىپ ئۇرۇش قىلماسلىقتەك غەلىتە ھادىسە يۈز بەرگەن، شۇڭا ئۇ «غەلىتە ئۇرۇش» ياكى «جىم ئولتۇرۇش ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ گېرمانىيىگە «ئۇرۇش ئېلان قىلىپ ئۇرۇش قىلماسلىق» ى ئەنگلىيە-فرانسىيە ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ گېرمانىيە بىلەن سۈلھ قىلىشقا داۋاملىق ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ماداراچىلىق سىياسىتىنى ئۇزۇن ۋاقىت!يولغا قويغان ئەنگلىيە، فرانسىيىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقى ئاجىز بولغاچقا، مەۋجۇت ھالەتكە قايتۇرما زەربە بېرىشكە مادارى يەتمىگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. 

غەلىتە ئىتتىپاق

  • غەلىتە ئىتتىپاق[يەشمىسى:]1862 — 1863-يىللىرى رومىنىيە پومېشچىكلىرى ۋە چوڭ بۇرژۇئازىيە قۇرغان ئەكسىيەتچىل ئىتتىپاق. مۇتەئەسسىپلەر ۋە لىبېراللار، رادىكال لىبېراللار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن. كىنەز كۇزا رەھبەرلىكىدىكى دېموكراتىك ئىسلاھاتقا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. 1866-يىلى 2-ئايدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ كىنەز كۇزانى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلىغان ۋە ئۇنى قوغلاپ چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نايىب ھۆكۈمەت تەشكىللەپ چەت ئەل قېنىدىكى كىنەز كارولنى ھىمايە قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن «غەلىتە ئىتتىپاق» كىنەز كۇزانى ئاغدۇرىدىغان گۇرۇھنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى رومىنىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان چوڭ بۇرژۇئازىيە ۋە پومېشچىكلارنىڭ پەۋقۇلئاددە ئىتتىپاقىنى كۆرسەتكەن. 70-يىللىرى تاشقى سىياسەت مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلار تۈپەيلىدىن ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ كەتكەن. بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەركىنلىك پارتىيىسى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنى يېڭىپ مەزكۇر ئىتتىپاق ئىچىدە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. 

غەمسىز شاھ

  • غەمسىز شاھ[يەشمىسى:] يەنى«ئاسوكا»

غەزنەۋىلەر سۇلالىسى

  • غەزنەۋىلەر سۇلالىسى[يەشمىسى:]ئافغانىستاندىكى فېئودال خاندانلىق. ئۇنىڭ پايتەختى غەزنى (Ghaznah، ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ شەرقىي-جەنۇبىي قىسمىدىكى غەزنە) شەھىرىدە بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. مىلادى 962-يىلى، سامانىلار خاندانلىقىنىڭ خۇراساندا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى ئالپ تىكىن(Alptigin، ؟ — 963) غەزنى شەھىرىنى بېسىۋېلىپ، ئۆز ئالدىغا خاندانلىق قۇرۇپ، دەۋران سۈرگەن. ئۇنىڭ ۋارىسى سەبۇك تىكىن(Sabuktigin، 977 — 997-يىللىرى تەختتە تۇرغان) شىمالىي ھىندىستاندىكى راجپۇتلار (Rajput) نى مەغلۇپ قىلىپ، زېمىنىنى پىشاۋۇرغىچە كېڭەيتكەن، سامانىلار قولىدىن خۇراساننى تارتىۋالغان. ماھمۇد ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (998 — 1030) ھىندىستانغا كۆپ قېتىم ھەربىي يۈرۈش قىلغان. شىمالىي تەرەپتە قاراخانىيلار سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ، سامانىلار خاندانلىقىنى يوقاتقان، خارەزمنى ئىستېلا قىلغان ھەمدە غەربكە قاراپ ئىلگىرىلەپ ئىرانغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇنىڭ دۆلەت كۈچى راسا روناق تاپقان. سۇلتان مەسئۇد (Masud) تەختتىكى مەزگىلدە (1030 — 1040-يىللىرى) دۆلەت كۈچى زەئىپلىشىشكە باشلىغان. 1040-يىلىدەندەنەقان (Dandanaqan، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مارى ئەتراپىدا) سەلجۇقىلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پۈتكۈل زېمىنىدىن مەھرۇم بولغان. Ⅻ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گۇر خاندانلىقى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، 1149-يىلى غەزنە شەھىرىنى بېسىۋېلىپ ئوت قويۇپ، ۋەيران قىلىۋەتكەن؛ كېيىن بۇ شەھەر غۇز تۈركلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن، شۇڭا پايتەختنى لاھور (ھازىرقى پاكىستاندا) كۆچۈرۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. Ⅻ ئەسىرنىڭ 70 — 80-يىللىرى ئۇدا گۇر خاندانلىقىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، پىشاۋۇر، سيالكۇت ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ قولدىن كەتكەن. 1186-يىلى ئاخىرقى ھۆكۈمرانى خۇسراۋ مەلك (Khusrau Malik) مۇھەممەت (گۇر خاندانلىقىنىڭ) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ئەسىرگە چۈشكەن، لاھورنىمۇ بېسىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن غەزنەۋى خاندانلىقى گۇمران بولغان.