ش🔗

ش

شاپۇرⅠ

شاپۇرⅡ

شاپپېر

شاتلىق

شاتېئوبرىئاند

شاخت

شاخت دېلوسى

شارنھۇرىست

شارىپۇترا

شارىك قوزغىلىڭى

شاستىرى

شالېئىر

شامپان

شامپان بازىرى

شاھرۇخ مىرزا

شاھزادە شوتوكۇ

شاھزادە ماكىس بادېن

شاھجاھان

شاھ فىلىپنىڭ ئۇرۇشى

شائوميان

شايبانى خان

شايس قوزغىلىڭى

شەرەپلىك ئىنقىلاب

شەرەپلىك يېتىم قېلىش سىياسىتى

شەرق ئەھدىنامىسى

شەرق تارىخى تېزىسلىرى

شەرق تەرىقەتچىلىكى پىرقىسى

شەرق تەرىقەتچىلىكى پىرقىسىدىكىلەرنىڭ قوزغىلىڭى

شەرق توپلاملىرى

شەرققە ساياھەت قىلىش ھەرىكىتى

شەرققە يۈرۈش سىياسىتى

شەرق ئومۇمىي پىلانى

شەرق ۋە غەرب چېركاۋلىرىنىڭ چوڭ بۆلۈنۈشى

شەرقىي ئافرىقا ئادىمى

شەرقىي ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسى

شەرقىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى

شەرقىي ئەل ئومۇمىي رىسالىسى

شەرقىي پرۇسسىيە

شەرقىي پرۇسسىيە ئۇرۇشى

شەرقىي پومېرزې ئۇرۇشى

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا كوللېكتىپ مۇداپىئەلىنىش شەرتنامىسى

شەرقىي چوڭ ئىبادەتخانا

شەرقىي رۇمېلىيا مەسىلىسى

شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى

شەرقىي زېمىننىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى

شەرقىي گوت پادىشاھلىقى

شەرقىي ھېندۇنېزىيە پارتىيىسى

شەرقىي ھىندۇنېزىيە سوتسىيال دېموكراتلار ئىتتىپاقى

شەرقىي ئۇرۇش سېپى

شەنگو

شەھەر بازارلىرى

شەھەر پۇقرالىرى ئۇيۇشمىسى

شەھەر دۆلىتى

شەھەر كوممۇنىسى

شتاتلار ئىتتىپاقى نىزامى

شتورمچىلار

شتۇتگارت قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى

شىڭشۈەن تائىبون

شلېمان

شمازۇ خىسامىتسۇ

شمالكالدېن ئۇرۇشى

شمونوسېكى ۋەقەسى

شوپېنخائۇئېر

شوپىن

شوتوراك

شوسىيىدىدېس

شوگناتنىڭ ناگاسا ۋاسساللىقىنى جازالاش ئۇرۇشى

شوگنات ھاكىمىيىتى

شولوخوۋ

شومېت

شوۋىنىزم

شۇبېرت

شۇتسبۇند

شوتلاندىيە قوزغىلىڭى

شۇتۋېل

شۇتېم (Chamille Chautemp

شۇشنىگ

شۇلاپۇر قوزغىلىڭى

شۇمان

شۇمان پىلانى

شۇنبېرگ

شۇنخۇا شەرتنامىسى

شۆجۇ

شۆسۇڭ

شۈزەيبى

شۈشى

شۈيۇجۈ

شۋېرنىك

شېخۇ

شېرشېسⅠ

شېكېسپېر

شېللېر

شېللىڭ

شېنوفان

شېنوفون

شېن يىچيەن

شىئەلەر

شىئە مەزھىپى

شىباۋ

شىتيەن جېنجې (كىتاساداكىچى)

شىدې خاراكىجۇرۇ

شىدىڭ(مورۇماچى) شوگناتى

شىراتورى كۇراكىچى

شىرام

شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل

شىر گېزىتى

شىرلېي باكېر

شرودىنگېر

شىكتېئى سانبا

شىك دىنى

شىك ئۇرۇشى

شىگانا ئوكانا

شىگې خىكارىنو

شىگېنوئاكى

شىڭخەيجۇ(كاتسۇئۇمىفۇ)

شىلەپىچىلەر

شىلەپىلىكلەر

شىللېر

شىلىفېن

شىلىفېن پىلانى

شىمابارا، ئاماكۇسا قوزغىلىڭى

شىمازاكى فۇجىمۇرا

شىمازو نارىياكىرا

شىمال جەمئىيىتى

شىمالغا يۈرۈش قىلىش سىياسىتى

شىمالكادېن ئىتتىپاقى

شىمال ئۇرۇشى

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدىنامىسى

شىمالىي روسىيە ئىشچىلار جەمئىيىتى

شىمالىي ئافرىقا قۇرۇقلۇقىغا چىقىش جېڭى

شىمالىي گېرمانىيە ئىتتىپاقى

شىمالىي ماركⅩ

شىمالىي ۋە جەنۇبىي سۇلالىلەر

شىمالىي ياۋروپا كېڭىشى

شىموياما ۋەقەسى

شىنار

شىن تۇن

شىنچيۇ (توخۇ) يىلىدىكى دىن ۋەقەسى

شىنگەنخۇي ئۇيۇشمىسى

شىنۋىي (قوي) يىلىدىكى ئەجنەبىيلەر پاراكەندىچىلىكى

شىۋابېن

شىۋابېن شەھەر ئىتتىپاقى

شىۋابېن ئىتتىپاقى

شىۋارزېنبېرگ

شېۋچېنكو

شۋېتسىيىنىڭ 1734-يىلىدىكى قانۇنى

شى فامىلىلىكنىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش خاتىرىسى

شىيا مۇشۇشى (ناتسۇمى شۇكۇئىسو)

شياڭزې(ئاسىۋا) ۋەقەسى

شېيدېمان

شيەنشەن ئارىلى

ئىزاھى

شاپۇرⅠ

  • شاپۇرⅠ[يەشمىسى:]Shapur I، مىلادى ؟ — 272) ئىران ساسانىلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى (272 - 142 ). ئەردەشىر Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختتىكى مەزگىلىدە، ئىزچىل ھالدا رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن قارشىلىشىپ كەلگەن. مىلادى 242 - 142-يىللىرى مېسوپوتامىيىدىن ئۆتۈپ ئانتىيوك شەھىرىنى ئىگىلەپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا قەدەر يېتىپ بارغان. 243-يىلى رېسېنا (Resaena)دا رىم ئىمپېراتورى گوردىئانⅢ (GordianⅢ، 238-243 -يىللىرى تەختتە بولغان) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 256-يىلى يەنە بىر قېتىم رىم ئىمپېرىيىسىگە يۈرۈش قىلغان. 260-يىلى ئېدىسا (Edessa، ھازىرقى تۈركىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇرفا Urfa) دا رىم قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، رىم ئىمپېراتورى ۋالېرىئان (Valerian، 253 - 260-يىللىرى تەختتە بولغان) ۋە ئۇنىڭ 70 مىڭ ئوفىتسېر-ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئالغان. 262-يىلى، سۈرىيىدە باش كۆتۈرگەن پالميرا (Palmyra) پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ئودېنات (Odenathus، ؟-267) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، پايتەختى كېتېسفون بىر مەزگىل قولدىن كەتكەن. كېيىنكى مەزگىلىدە غايەت زور جامائەت قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان. مانى دىنىنى قوغداپ قالغان.

شاپۇرⅡ

  • شاپۇرⅡ[يەشمىسى:]ShapurⅡ، 973 - 903) ئىران ساسانىلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى (973 - 903). تۇغۇلۇپلا پادىشاھ بولغان. ئون ئالتە يېشىدىن باشلاپ دۆلەتنى ئۆزى سوراشقا باشلىغان. مىلادى 053 - 733-يىللىرى رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ئۈچ نۆۋەت نىسبىس (Nisbis) شەھىرىنى قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ ئالالمىغان. 348-يىلى مېسوپوتامىيىنىڭ شىمالىدىكى سىنگارا (Singara، ھازىرقى سېنېگال) دا رىم ئىمپېراتورى كونستانتىنⅡ (ConistantiusⅡ، 163 - 733-يىللىرى تەختتە بولغان)نى مەغلۇپ قىلغان. 753 - 053-يىللىرى شەرققە يۈرۈش قىلىپ، بېسىپ كىرگەن ھۇنلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. 359-يىلى يەنە بىر نۆۋەت رىم ئىمپېرىيىسىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئامىدا (Amida، ھازىرقى دىياربەكىر)، سىنگارا قاتارلىقجايلارنى ئىشغال قىلىۋالغان. 363-يىلى، رىم ئىمپېراتورى يۇلىئان (بىدئەت) ئىرانغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئۇزاق ئۆتمەي جەڭدە ئۆلگەن، رىم ئىمپېرىيىسى سۈلھ قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. شۇ يىلى شاپۇر Ⅱ رىمنىڭ يېڭى ئىمپېراتورى جوۋىئان (Jovianus، 463 - 363-يىللىرى تەختتە بولغان) بىلەن ئوتتۇز يىللىق سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاپ، بۇرۇن رىم ئىمپېرىيىسىگە كېسىپ بېرىلگەن تىگرىس (دەجلە) دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى بەش ئۆلكىسىنى قايتۇرۇۋالغان ھەمدە نىسبىس ۋە سىنگارا قاتارلىق جايلارغا ئىگە بولغان. يەنە ئۇزاق ئۆتمەي ئەرمىنىيىنىمۇ ئىستېلا قىلغان. ئالاھازەل 339-يىلدىن باشلاپ زېمىنى ئىچىدىكى خرىستىئانلارغا زىيانكەشلىك قىلغان. سۈزا شەھىرىنى قايتا قۇرۇپ چىققان، نىشاپۇر شەھىرىنى يېڭىدىن بەرپا قىلغان. 

شاپپېر

  • شاپپېر[يەشمىسى:]Karl Schapper، 0781 - 2181) گېرمانىيە ۋە خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئەربابى. يېزا باستېرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ ھېسېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ستۇدېنتلار جەمئىيىتى مەخپىي قوزغىلىڭىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن شۋېتسارىيىگە چىقىپ كەتكەن. 1834-يىلىنىڭ بېشىدا ياش گېرمانىيە تەشكىلاتىغا قاتناشقان. مادزىنى تەشكىللىگەن قوزغىلاڭغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر نۆۋەت تۇتقۇن قىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي شۋېتسارىيىدىن قوغلانغان. 1836-يىلى پارىژدا ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقىغا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 1839-يىلى بلانكى رەھبەرلىك قىلغان «تۆت پەسىل ئۇيۇشمىسى» قوزغىلىڭىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، فرانسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. 1840-يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ئەنگلىيىگە كەتكەن. 1847-يىلى ماركس، ئېنگېلسنىڭ ياردىمى بىلەن ئىلمىي سوتسىيالىزم پرىنسىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش خىزمىتىگە قاتناشقان. كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى بولغان. 1848-يىلى گېرمانىيىگە قايتىپ بېرىپ، ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە ئاتلانغان. 1850-يىلى ۋىللىخ بىلەن مەزھەپچىلىك گۇرۇھى ئۇيۇشتۇرۇپ، تەۋەككۈلچىلىك تاكتىكىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ بۆلۈنۈشىگە سەۋەب بولغان. 1856-يىلى خاتالىقلىرىنى تونۇپ، ماركس، ئېنگېلس بىلەن ياراشقان. 1865-يىلى 5-ئايدا بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال باش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. كېيىن كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. 

شاتلىق

  • شاتلىق[يەشمىسى:]ياپونىيىدىكى مۇروماچى دەۋرىدە شەكىللەنگەن بىر خىل سەھنە ئويۇنى. ئۇ ئېتىز شاتلىقى، مايمۇن شاتلىقى قاتارلىق سەنئەت ماھارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇپ ھاسىل قىلىنغان. ئېتىز شاتلىقى — ياپونىيىدە شال تىكىش، مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش ۋاقتىدا ئوينىلىدىغان مىللىي ئۇسۇل. مايمۇن شاتلىقى ئەسلى نەسرىي شاتلىق دەپ ئاتالغان، دۇئا-تىلاۋەت ئىشلىرىدا ئىشلىتىلگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن كۈلكىلىك ئويۇنلارمۇ تۈزۈلگەن. بۇ ئىككىسى پىڭئەن دەۋرىدە، كاماكۇرا دەۋرىدە خېلى ئەۋج ئالغان ھەم بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن. مۇروماچى دەۋرىگە كەلگەندە كانئامى، سېئامى ئىجاد قىلغان. «ئەمەلدارلار»، «ۋەھىمە» ۋە «يېقىنچىلىق مۇناسىۋىتى» قاتارلىق روللار بولغان. مۇزىكىلىرىدىن نەي، چوڭ دۇمباق، كىچىك دۇمباق قاتارلىقلار بار. سامۇراي مۇراسىملىرىدىن باشقا، گۇەنشى، باۋشىڭ،جىنگاڭ ۋە جىنچۈن ئولتۇرۇشلىرىدا دائىم بۇ ئويۇن ئوينىلىدۇ.

شاتېئوبرىئاند

  • شاتېئوبرىئاند[يەشمىسى:]Francois Renede Chateaubriand 1768 - 1848) فرانسىيىلىك يازغۇچى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بوربۇن سۇلالىسىنىڭ سادىق ھىمايىچىسى. 1789-يىلى بۈيۈك ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، ئىنقىلابقا دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان، 1791-يىلى ئامېرىكىدا قاچقۇن بولغان. لۇئى ⅩⅥ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ياۋروپاغا قايتىپ، قاچقۇن ئاقسۆڭەك كوندې شاھزادە (Louis Joseph Prince du Conde، 8181 - 6371) ئۇيۇشتۇرغان ئەكسىلئىنقىلابىي ھەربىي پائالىيەتكە قاتناشقان. ئۇرۇشتا يارىدار بولۇپ، يەنە بىر قېتىم بېلگىيە ۋە ئەنگلىيىدە قاچقۇن بولۇپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1800-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ناپولېئون تەرىپىدىن رىمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ كاتىپى ۋە شۋېتسارىيە ۋاللې كىنەزلىكىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى قىلىپ تەيىنلەنگەن. 1804-يىلى ناپولېئون گېرتسوگ ئانجىئاننى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، «مېركۇرى گېزىتى» نى چىقىرىپ، ناپولېئونغا ھۇجۇم قىلىپ، ئەنئەنىۋى خاندانلىقنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ قالغان. 1811-يىلى «پارىژدىن ئېرۇسالىمغىچە قىلىنغان ساياھەت خاتىرىسى» نى ئېلان قىلغان ھەمدە فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. لېكىن ناپولېئون ئۇنى رەت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆيىدە تەركىدۇنيا بولۇپ تۇرغان. 1814-يىلى بوربۇن خاندانلىقى تىرىلگەندىن كېيىن پارىژغا قايتىپ، ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېرلىن ۋە لوندوندا ئەلچى بولغان. كۆپ ئۆتمەي تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، «مۇقەددەس ئىتتىپاق» پائالىيىتىنى ئاكتىپ قوللىغان. ۋېرونا يىغىنىدا، ئەسكەر چىقىرىپ ئىسپانىيىگە تاجاۋۇز قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1830-يىل ئىيول ئىنقىلابىدىن كېيىن مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى: «ئىنقىلاب تارىخى ھەققىدە»، «خرىستىئان دىنىنىڭ ھەقىقىي قائىدىلىرى»، «رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاك بولۇشى ھەققىدىكى تارىخىي تەتقىقات»، «ۋېرونا يىغىنى» ۋە «قەبرە سىرتىدىكى ئەسلىمە» قاتارلىقلار. 

شاخت

  • شاخت[يەشمىسى:]Hjalmar Horace Greeley Schacht، 0791 - 7781) گېرمانىيە بانكىسى لېدىرى، گىتلېرنىڭ ئىقتىسادىي مىنىستىرى. دانىيىدە تۇغۇلغان. كىل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 5191 - 8091 -يىللىرى درېسدېن بانكىسىدا خىزمەت قىلغان. 0391 - 3291-يىللىرى گېرمانىيە دۆلەت بانكىسىنىڭ باش لېدىرى بولغان. 1931-يىلى «ھارىتسىبۇرگ سېپى» نى تەشكىللەشكە قاتنىشىپ، گىتلېرنىڭ تەختكە چىقىشىنى قوللىغان. 1933-يىلى ناتسىستلار ھاكىمىيىتى تىكلەنگەندىن كېيىن، دۆلەت بانكىسىنىڭ لېدىرى ۋە ئىقتىسادىي مىنىستىرى، ئۇرۇش ئىگىلىكى تولۇق ھوقۇقلۇق باش ۋەكىلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، فاشىستلار گېرمانىيىسىنىڭ ئۇرۇش ئىگىلىكىنى پائال تۈردە پىلانلىغان ۋە تەشكىللىگەن. كېيىن گىتلېر ۋە گئۇرنگ بىلەن ئىختىلاپ پەيدا بولغان. 1944 -يىلى 7-ئايدا گىتلېرغا قارشى مەخپىي سۇيىقەست قىلدى دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇرۇشتىن كېيىن نيۇرىنبېرگ خەلقئارا ھەربىي سوتى ۋە گېرمانىيە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوراققا تارتىلغان، 1948 -يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 1953-يىلى دىيۇسېلدورفدا خۇسۇسىي بانكا قۇرغان. ئۇنىڭ «مېنىڭ 76 يىللىق ھاياتىم» ناملىق ئەسىرى بار. 

شاخت دېلوسى

  • شاخت دېلوسى[يەشمىسى:]1928 -يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىل-غان دونباس شاخت (Щахт) كان رايونىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي تەشكىلات دېلوسى. بۇ تەشكىلات ئەكسىيەتچىل سانائەت پارتىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 3291 - 2291-يىللىرى كونا مۇتەخەسسىس، كارخانا خوجايىنلىرىدىن تەشكىل تاپقان. 1925-يىلىدىن باشلاپ، «پارىژ باش شتابى» (چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن روسىيە ئەكسىلئىنقىلابچى ئۇنسۇرلىرىدىن تەشكىل تاپقان) نىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە چەت ئەل جاسۇسلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۇلار خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، كان رايونى قۇرۇلۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلغان، ئىشچىلارنىڭ ئەمگەك، تۇرمۇش ئەھۋالىنى يامانلاشتۇرغان، شاختلارنى پارتلاتقان، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى بۇزۇپ، ئېلېكتر ئىستانسىلىرىغا ئوت قويغان. ئۇلارنىڭ غەرىزى ئەڭ مۇھىم بولغان كۆمۈر سانائەت بازىسىنى ۋەيران قىلىپ، سوتسىيالىستىك سانائەتلىشىشكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئىدى. بۇلاردىن 49 نەپەر بۇزۇق ئۇنسۇرغا قاماق جازاسى بېرىلگەن. 

شارنھۇرىست

  • شارنھۇرىست[يەشمىسى:]Gerhard Johann Daxid Von Scharnhorst، 3181 - 5571) گېرمانىيىلىك ھەربىي ئالىم. پرۇسسىيە گېنېرالى. 1778-يىلىدىن باشلاپ ھاننوۋېر ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1801-يىلى پرۇسسىيە ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1802-يىلى پۈتۈن گېرمانىيە باش ھەربىي مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1802-يىلى ئاقسۆڭەك قىلىپ بەلگىلەنگەن. 1806-يىلى ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇشتا گېرتسوگ براينىشۋېيگ ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1807-يىلىدىن باشلاپ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى، ھەربىي ئىشلارنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. بۇ مەزگىلدە ناپولېئون Ⅰ نىڭ پرۇسسىيە ئارمىيىسىنى تىزگىنلىۋېلىش ۋە نازارەت قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، گېنېسېناۋ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ھەربىي ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، «تېز پۈتتۈرۈش ئەسكىرىي تۈزۈمى» نى بەرپا قىلغان. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ناپولېئوننىڭ پرۇسسىيە ئارمىيىسىنى تىزگىنلىۋېلىشىنى تارمار قىلغان. 1811-يىلى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلغان. 1813-يىلىدىكى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىدا پرۇسسىيە مارشالى بلۇخېر ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان، شۇ يىلى 5-ئايدىكى جەڭدە ئېغىر يارىلىنىپ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلگەن.

شارىپۇترا

  • شارىپۇترا[يەشمىسى:]Sariputra ياكى Sariputta، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىر) بۇددا دىنىنىڭ ئاساسچىسى ساكيامونىنىڭ ئون چوڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى. ماگادخانىڭ پايتەختى راجاگرىخادىكى براخمان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا دوستى ماخاما ئۇدگاليايانا بىلەن دەسلەپتە يات دىنغا ئېتىقاد قىلغان، كېيىن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، ئەقىل-پاراسەتتە بىرىنچى دېگەن نامغا ئىگە بولغان. 

شارىك قوزغىلىڭى

  • شارىك قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]تەخمىنەن مىلادى 751-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخارا رايونىدا ئەرەبلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى پارتلىغان قوزغىلاڭ. رەھبىرى شارىك (Sharik B. Shaykh) ئىسلام دىنى شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، ئەسلى بۇخارادىكى ئەرەب ئارمىيىسىدە ھەربىي بولغان، ئۇمەييە خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭغا قاتناشقان. 750-يىلى ئابباسىيلار خاندانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى يەنىلا ئېغىر فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان. شارىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىرىق قىلغان. قوزغىلاڭغا قاتناشقان دېھقانلار، قول ھۈنەرۋەنلەر 30 مىڭ كىشىگە يەتكەن، قوزغىلاڭچىلار بۇخاراغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان خەلىپە ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. كېيىن قوزغىلاڭچىلار ئاچلىقنىڭ قىستىشى بىلەن نۇكېندې (Nukende) كەنتىگە يۆتكەلگەن. كۆپ ئۆتمەي شارىك جەڭدە ئۆلۈپ كەتكەن، قوزغىلاڭ باستۇرۇۋېتىلگەن.

شاستىرى

  • شاستىرى[يەشمىسى:]Lal Bahadur Shastri، 6691 - 4091) ھىندىستاننىڭ زۇڭلىسى (6691 - 4691). دەسلەپكى يىللاردا گەندى تەسىس قىلغان مىللەتلەر داشۆسىدە ئوقۇغان. 1920-يىلى گەندى رەھبەرلىك قىلغان ئەنگلىيىگە قارشى ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 8391 - 5391-يىللىرى خەلق كونگرېسى پارتىيىسى بىرلەشمە ئۆلكىلىك كومىتېتىنى باش سېكرىتارى بولغان. 1947-يىلى ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن شىمال شتاتى ساقچى ۋە ترانسپورت مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1951-يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان، شۇ يىلى قوشما شتات پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆمۈريول مىنىستىرى، قاتناش-ترانسپورت مىنىستىرى، سودا-سانائەت مىنىستىرى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1963-يىلى مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، مەخسۇس خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1964-يىلىنىڭ باشلىرىدا يەنە ھۆكۈمەت ئىشىغا كىرىپ، بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى بولغان. شۇ يىلى 6-ئايدا نېھرۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھىندىستان زۇڭلىسى بولۇپ، نېھرۇنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرغان. ئىككىنچى قېتىملىق ھىندىستان-پاكىستان ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1966-يىل 1-ئاينىڭ 11-كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تاشكەنتتە پاكىستان زۇڭتۇڭى ئايۇپخان بىلەن «تاشكەنت خىتابنامىسى» نى ئىمزالىغان. ھۈججەت ئىمزالىنىپ بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن يۈرەك كېسىلى توساتتىن قوزغىلىپ ۋاپات بولغان.

شالېئىر

  • شالېئىر[يەشمىسى:]Marie - Joseph Chalier، 3971 - 7471) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى سىياسىي ئەرباب. لېئاندىكى باي سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياكوبىنچىلاردىن. ماراتقا ئەگىشىپ پائال تۈردە ئىنقىلابىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان. لېئاندا ياكوبىن كۇلۇبى ۋە ئىنقىلابىي سوت قۇرغان، ياكوبىنچىلارنىڭ لېئاندىكى ئاساسىي مەسئۇلى بولۇپ قالغان. 1793-يىلى 5-ئايدا گروندېچىلار بىلەن مۇنارخىستلار قوزغىغان لېئان توپىلىڭىدا قولغا ئېلىنىپ، 7-ئاينىڭ 16 -كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن.

شامپان

  • شامپان[يەشمىسى:]Champane) فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى رايوننىڭ نامى. بۇ رايوندا تەخمىنەن مىلادى 854-يىلى گرافلىق قۇرۇلغان. جۇغراپىيىۋى ئورنى ئەپلىك بولغاچقا Ⅻ ئەسىردىن ⅩⅣ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە ياۋروپادىكى خەلقئارا سودىنىڭ مۇھىم مەركىزىگە، يەنى داڭلىق شامپان بازىرىغا ئايلىنىپ قالغان. مەزكۇر رايوندىن ئېقىپ ئۆتىدىغان مارنې دەرياسىنىڭ يۇقىرىغا جايلاشقان سىئارون دېگەن جايدا ئۈزۈم ھارىقى (ئادەتتە شامپانىسكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) كۆپلەپ ئىشلەپ چىقىرىلغان. 1284-يىلى گراف ۋارىسى جېننې (Jeanne) فرانسىيە شاھزادىسى فىلىپقا ياتلىق بولغان. ئىككىنچى يىلى فىلىپ تەختكە ئولتۇرۇپ فىلىپⅣ دەپ ئاتالغان. شامپان رايونى بارا-بارا فرانسىيىنىڭ زېمىنىغا قوشۇلۇپ كەتكەن.

شامپان بازىرى

  • شامپان بازىرى[يەشمىسى:]ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپا زېمىنىدىكى مەشھۇر خەلقئارالىق بازار. ھەر يىلى فرانسىيىنىڭ شامپان رايونىدىكى پروۋىن (Provins)، بار-سۇر-ئائۇبى (Bar Sur Aube)، ترويې (Troyes) ۋە لاگى (Marne Lagny sur) قاتارلىق تۆت شەھەردە نۆۋەت بىلەن ئالتە قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن، ھەر قېتىمقىسىنىڭ ۋاقتى ئالتە ھەپتە بولغان. مەزكۇر بازارⅪ ئەسىردە مەيدانغا چىققان، بولۇپ Ⅻ ئەسىردىن ⅩⅣ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا تازا روناق تاپقان. ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرى شۇنىڭدەك غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىدىكى سودىگەرلەرمۇ بۇ جايغا بەس -بەستە كەلگەن. بۇ بازاردا ئالماشتۇرۇلىدىغان تاۋارلار ئاساسەن توقۇلما بۇيۇملار، ئالتۇن-كۈمۈش جابدۇقلىرى، كۆن-خۇرۇم مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى شۇنىڭدەك شەرقنىڭ زىننەت بۇيۇملىرى، خۇش پۇراق ماتېرىياللىرىدىن ئىبارەت. شامپان بازىرى بازار قانۇنى ۋە بازار سوتىنىڭ قوغدىشىغا مۇيەسسەر بولغان. شامپان گرافى باج ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.

شاھرۇخ مىرزا

  • شاھرۇخ مىرزا[يەشمىسى:]Shah Rukh، 1377 — 1447) تېمۇرىيلەر ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى (1405 — 1447). تېمۇرنىڭ ئوغلى. 1397-يىلى، خوراسان ئەمرى بولۇپ ھېراتتا (Herat) تۇرغان. 1405 -يىلى تېمۇر ئۆلۈپ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۆزئارا تەخت تالاشقان. 1409-يىلى شاھرۇخ ئوتتۇرا ئاسىياغا ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، سەمەرقەندنى ئېلىپ، ئىچكى جېدەل-ماجىرالارنى تىنچىتقان. سەمەرقەندنى ئوغلى ئۇلۇغبەككە سۇيۇرغال قىلىپ بېرىپ، ئۆزى ھېراتنى پايتەخت قىلىپ تۇرغان. ئەدەبىيات-سەنئەت تەرەققىياتىغا ئىلھام بەرگەن، ئوردا ۋە مەسچىتلەرنى سالدۇرغان، ھېراتنى ئەينى زاماندا مەشھۇر ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان. ئۇ كۆپ قېتىم قارا قويونلۇ خاندانلىقىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئەل بولۇشقا مەجبۇر قىلغان. جۇڭگودىكى مىڭ سۇلالىسى بىلەن قويۇق بېرىش-كېلىش قىلغان.

شاھزادە شوتوكۇ

  • شاھزادە شوتوكۇ[يەشمىسى:]574 — 622) يەنە بىر ئىسمى شاھزادە ئۇمايادو (Умаядо). ياپونىيە تېننوسى يومىنىڭ ئىككىنچى شاھزادىسى. ئەسلى ئىسمى ئۇمادو يۇتاكا ئاكىجى. ۋەلىئەھد دەپمۇ ئاتالغان. مىلادى 592-يىلى تېننوتاكاتوشى ئۆلتۈرۈلۈپ،تېننوسۇيكو (ئايال) تەختكە ئولتۇرغان. 593-يىلى ۋەلىئەھدلىككە تەيىنلىنىپ، نايىب بولغان. 603-يىلى «12 دەرىجىلىك ئەمەلدارلىق» (تۆھپىسىگە قاراپ ئۇنۋان بېرىش، ۋارىسلىق قىلىشقا يول قويماسلىق) تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئاتا-بوۋىسىنىڭ دەرىجىسىگە ۋارىسلىق قىلىش تەرتىپىنى ئۆزگەرتكەن. ئىككىنچى يىلى «17 ماددىلىق ئاساسىي قانۇن» تۈزۈپ چىققان، نايىب بولغان مەزگىلدە «تېننو خاتىرىلىرى»، «دۆلەت خاتىرىلىرى» قاتارلىق تارىخىي كىتابلارنى تۈزۈپ چىققان. ئونونوئىموكونى سۈي سۇلالىسىگە ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ، ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى قانات يايدۇرغان. جۇڭگوغا ئوقۇغۇچى ۋە راھىبلارنى ئەۋەتىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان. بۇددا دىنىغا ھەقىقىي ئېتىقاد قىلىپ، فالوڭ ئىبادەتخانىسى، تۆت ئاسمان ئىلاھى ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە «ئۈچ نوم مەنىسىنىڭ شەرھى» دېگەن ئەسەرنى يازغان.

شاھزادە ماكىس بادېن

  • شاھزادە ماكىس بادېن[يەشمىسى:]MaxVonBaden، 1867 — 1929) گېرمان ئىمپېرىيىسىنىڭ باش ۋەزىرى(1918)، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، ئىنقىلاب پارتلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گېرمانىيىنىڭ تالان-تاراج قىلىش سىياسىتىنى مۇۋاپىق چەكلەش ۋە قىسمەن ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇڭا ئۇ، «لىبېراللار تەرەپدارى» دەپ قارالغان. گېرمان ئىمپېرىيىسى گۇمران بولۇش ھارپىسىدا، 1918 -يىلى 10-ئايدا گېرمانىيە ئىپېراتورى ۋىلھېلىمⅡ ئۇنى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەپ، «پارلامېنت تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمەت» تەشكىل قىلغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە خوخېنسوللېرن خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئالدامچىلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، مەملىكەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كەسكىن ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنغان. شۇ يىلى 11-ئايدا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىپ، ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ئېلىپ بارغان. توختامنامىغا تېخى ئىمزا قويۇلماستىن بۇ خاندانلىق ئىنقىلاب تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان.

شاھجاھان

  • شاھجاھان[يەشمىسى:]Shah Jahan، 1592 — 1666) ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمدارى (1627 — 1658). جاھانگىرنىڭ (Jahangir) ئوغلى. ئەسلى ئىسمى خۇررام (Khurram) بولۇپ، تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىسمىنى شاھ جاھانغا ئۆزگەرتكەن. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئىسياننى باستۇرۇپ، ئوغلى ئەۋرەڭزىپنى دېكاننىڭ باش ۋالىيسى قىلىپ تەيىنلىگەن، ئىراندىكى سافاۋىلار خاندانلىقى بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇش قىلىپ، ئافغانىستاننى تالاشقان. دىنىي سىياسەتتە ئىسلام دىنىدىكىلەرگە يان بېسىپ، ھىندى دىنىدىكىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغان، بولۇپمۇ كاتولىك دىنىغا قارشى تۇرغان. 1631-يىلى، بېنگال باش ۋالىيسىغا بۇيرۇق بېرىپ، بېنگالدا زوراۋانلىق قىلغان پورتۇگاللارنى قوراللىق باستۇرغان. قەدىمكى پايتەختى ئاگرا (Agra) دا ئۆلگەن بانۇسى ئۈچۈن ھەيۋەتلىك مەقبەرە (بانۇ تاج ماھال مەقبەرىسى) سالدۇرغان. كېيىنكى يىللىرى ئۇنىڭ تۆت ئوغلى ئوتتۇرىسىدا پادىشاھلىق تەختىنى تالىشىش يۈز بەرگەن. 1658-يىلى ئەۋرەڭزىپ تەرىپىدىن نەزەربەنت قىلىنغان.

شاھ فىلىپنىڭ ئۇرۇشى

  • شاھ فىلىپنىڭ ئۇرۇشى[يەشمىسى:]شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلارنىڭ 1675 — 1676-يىللاردا ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. بۇ ئۇرۇشقا ۋامپانوئاگ (Wampanoag) قەبىلىسىنىڭ باشلىقى مىتاكوم ياكى شاھ فىلىپ (Philip King، ؟ — 1676) رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئىندىئان قەبىلىلىرىنى قورال تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالغان. 1675-يىلى 6-ئايدا، شاھ فىلىپ نارراگانسېتت (Narragansett)، نىپمۇككس (Nipmucks) قاتارلىق ئىندىئان قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى ئۇرۇش قوزغىغان. شاھ فىلىپنىڭ تەسىر كۈچى كوننېكت-ىكۇت (Connecticut) ۋە رودې (Rhode) ئارىلىغىچە كېڭەيگەن. كېيىن ئەنگلىيە ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتكەن. 1676-يىلى 4-ئايدا نارراگانسېتت قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كانونچېت (Canonchet، ؟ — 1676) ئۆلتۈرۈلگەن. 8-ئايدا شاھ فىلىپ قازاغا ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش مەغلۇپ بولغان. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئىندىئانلارنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىنى بېسىۋالغان ھەمدە ئىندىئانلارنى كۆپلەپ قىرغان.

شائوميان

  • شائوميان[يەشمىسى:]Степан Γеоргиевич Щаумян ، 1878 — 1918) روسىيىلىك ئىنقىلابچى. تىفلىس ](Тифлис، ھازىرقى تبىلىس ( Тбилиси)[ تا تۇغۇلغان. 1898-يىلى ئىنقىلابقا قاتناشقان. 1900-يىلى رىجسك (Рижск) ئۇنىۋېرسال تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقاندا روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن، كېيىن مەجبۇرىي ھالدا گېرمانىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغاندا بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇغان. 1904-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ ستالىن بىلەن بىرلىكتە شىمالىي كاپكازدىكى پارتىيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. شۇ جەرياندا قولغا ئېلىنغان ۋە سۈرگۈن قىلىنغان. 1905-يىلدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە لېنىننىڭ ئىنقىلابىي لۇشيەنىنى قوللاپ، مىنشېۋىكلارنىڭ ئاغمىچىلىقىغا قارشى تۇرغان. 1914-يىلىدىكى باكو نېفىت ئىشچىلىرى ئومۇمىي ئىش تاشلاش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىرى. 1917-يىلىدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن كاپكاز پەۋقۇلئاددە ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەخسۇس خادىملىقىغا تەيىنلەنگەن. 1918-يىلى 4-ئايدا باكو خەلق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى كومىتېتنىڭ 26 ئەزاسى (يەنى «26 كومىسسار») بىلەن بىللە ئەنگلىيە قوراللىق مۇداخىلىچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

شايبانى خان

  • شايبانى خان[يەشمىسى:]Mohamed Shaybani، 1451 — 1510) ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېك شايبانىلار خاندانلىقىنىڭ ئاساسچىسى. چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇجىخاننىڭ ئەۋلادى. 1500-يىلى ئۆز- بېكلەرنى باشلاپ شىمالدىن ماۋرائۇننەھرگە بېسىپ كىرىپ، سەمەرقەندنى ئىشغال قىلىپ، تېمۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، شايبانىلار خاندانلىقى (1500 — 1598) نى قۇرغان. 1505-يىلى خارەزمنى تارتىۋالغان، 1507-يىلى ھېراتنى بېسىۋېلىپ تېمۇر ئىمپېرىيىسىنى يوقاتقان. 1510-يىلى تېمۇرنىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد نەۋرىسى، فەرغانە ھۆكۈمرانى بابۇر بىلەن سافى خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى ئىسمائىلⅠ نىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان، مەرۋ (Merv) دە ئۆلتۈرۈلگەن.

شايس قوزغىلىڭى

  • شايس قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]1786 — 1787-يىللاردا ئامېرىكا ماسساچۇست شتاتىنىڭ غەربىي قىسمىدا يۈز بەرگەن دېھقانلار قوزغىلىڭى. بۇ قوزغىلاڭغا نامرات دېھقاندىن كېلىپ چىققان، مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدا خىزمەت كۆرسەتكەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە كاپىتانى دانىئېل شايس (Daniel shays، تەخمىنەن 1747 — 1825) رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. قوزغىلاڭ 1786-يىلى كۈزدە پارتلىغان. مال -مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىدا باپباراۋەر بولۇش پروگراممىسىنى ۋە بارلىق قەرزلەرنى بىكار قىلىش، خەلققە زىيانكەشلىك قىلىدىغان سوت مەھكىمىسى ۋە ئەمر-پەرمانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان مال-مۈلكىگە ئەمگەكچىلەر ئىگىدارچىلىق قىلىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. قاتناشقۇچىلار تەخمىنەن 10 مىڭ كىشىگە يېتىپ، شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىپ، سوت مەھكىمىلىرىنى ۋەيران قىلغان؛ قەرزدارلىق ھۈججەتلىرىنى كۆيدۈرگەن؛ تۈرمىدىكى كەمبەغەللەر ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بەرگەن. ئىلگى-رى-كېيىن بولۇپ، كونكورد (Concord)، بوستون، ۋانست ۋە پرىنفېرد قاتارلىق جايلاردا يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلغان، كېيىن باستۇرۇلغان. قوزغىلاڭ قوشما شتاتلار ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا زەربە بېرىپ، قوشما شتاتلار ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

شەرەپلىك ئىنقىلاب

  • شەرەپلىك ئىنقىلاب[يەشمىسى:]1688-يىلى ئەنگلىيە پارلامېنتنىڭ تىرىلگەن ستېئۇئارت سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇش سىياسىي ئۆزگىرىشى. 1685-يىلى كورۇل جامېسⅡ فرانسىيىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، كاتولىك دىنى ۋە فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ، بۇرژۇئازىيە كونتروللۇقىدىكى پارلامېنت بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. كاتولىك دىنى مۇرىتلىرىنىڭ پادىشاھ بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 1688-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى پارلامېنتتىكى خۇيگلار تورىچىلارنىڭ قوللىشى بىلەن، جامېسⅡ نىڭ كۈيئوغلى، پروتېستان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەمدە فرانسىيىگە جان -جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدىغان گوللاندىيە ھۆكۈمرانى، شاھزادە ئورانگېنى كورۇلغا قارشى جازا يۈرۈشى قىلىشقا تەكلىپ قىلغان، جامېسⅡ فرانسىيىگە قېچىپ كەتكەن. ئىككىنچى يىلى شاھزادە ئورانگې پارلامېنت ماقۇللىغان «ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» گە ئەمەل قىلىشقا قوشۇلغاندىن كېيىن، ئايالى مارىي بىلەن بىللە، ئەنگلىيە كورۇلى ۋە كورۇلىۋاسى دەپ ئېلان قىلىنىپ، ۋىليام Ⅲ ۋە مارىيⅡ دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ پادىشاھ ھوقۇقى زور دەرىجىدە چەكلىنىپ، پارلامېنتنىڭ ھوقۇقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، بۇرژۇئا دىكتاتۇرىسى ماھىيەت قىلىنغان مۇنارخىيىلىك ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم ئورنىتىلغان. خەلق ئاممىسى قاتناشمىغان بۇ قېتىمقى سىياسىي ئۆزگىرىشنى بۇرژۇئا تارىخشۇناسلىرى «شەرەپلىك ئىنقىلاب» دەپ ئاتىغان. بۇ، ⅩⅦ ئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ خاتىمىسىدىن ئىبارەت.

شەرەپلىك يېتىم قېلىش سىياسىتى

  • شەرەپلىك يېتىم قېلىش سىياسىتى[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەنگلىيە يولغا قويغان دىپلوماتىك سىياسەت. 1896-يىلى باش ۋەزىر سالىسبۇرىي لوندون شەھەر باشلىقى زىياپىتىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە: ئەنگلىيە «ياۋروپا كۈچ تەڭپۇڭلۇقى» نى قولدا تۇتۇش ئۈچۈن، مۇقىم ئىتتىپاق ۋە گۇرۇھلارغا قاتناشماي، ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ۋە ئىتالىيە ئىتتىپاقى بىلەن فرانسىيە-روسىيە گۇرۇھىنىڭ قارىمۇ قارشىلىقى سەۋەبىدىن، جاھانگىر دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ كەتكەچكە، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئەنگلىيىنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ، بارا-بارا بۇ سىياسەتتىن ۋاز كەچكەن. 1902-يىلى ئەنگلىيە بىلەن ياپونىيە ئىتتىپاق تۈزگەن. 1904-يىلى ئەنگلىيە-فرانسىيە كېلىشىمى ۋە1907-يىلى ئەنگلىيە-روسىيە كېلىشىمى ئايرىم-ئايرىم ئىمزالىنىپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت گۇرۇھى شەكىللىنىپ «شەرەپلىك يېتىم قېلىش سىياسىتى» گە خاتىمە بېرىلگەن.

شەرق ئەھدىنامىسى

  • شەرق ئەھدىنامىسى[يەشمىسى:]«شەرق لوكارنو ئەھدىنامىسى» مۇ دېيىلىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېخوسلوۋاكىيە، پولشا، فىنلاندىيە، لاتۋىيە، ئېستونىيە (Эстония)، لېتۋالار بىلەن ئىمزالاشقا تەييارلىغان، گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش شەرتنامىسىنىڭ لايىھىسى. 1933-يىلى گىتلېر گېرمانىيىسى باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن فرانسىيە فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ياۋروپادىكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقتىن كوللېكتىپ مۇداپىئەلىنىدىغان ۋە ئۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىدىغان رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالاشنى، بۇنى، 1925-يىلىدىكى «لوكارنو ئەھدىنامىسى» نىڭ تولۇقلىمىسى قىلىشنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلغان. بۇنىڭدا، ئەھدىنامە تۈزۈشكەن ھەرقانداق بىر دۆلەت ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، ئەھدىنامە تۈزۈشكە قاتناشقان باشقا دۆلەتلەر بۇ دۆلەتكە ھەربىي ياردەم بېرىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. فرانسىيە شەرتنامە تۈزۈشكە بىۋاسىتە قاتناشمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ شەرتنامىنى ئادا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغان. 1934-يىلى 6-ئايدا، سوۋېت بىلەن فرانسىيە شەرق ئەھدىنامىسىنىڭ لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۆزئارا بىر سىستېمىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئىككى تۈرلۈك ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنمىنى، يەنى سوۋېت، گېرمانىيە، پولشا، چېخوسلوۋاكىيە، فىنلاندىيە، ئېستونىيە، لېتۋا، لاتۋىيىلەرنىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىش ئەھدىنامىسى ۋە فرانسىيە-سوۋېت ئۆزئارا ياردەملىشىش ئەھدىنامىسىنى ئىمزالاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. گېرمانىيە بۇ لايىھىگە قارشى تۇرغان، پولشامۇ قاتنىشىشتىن باش تارتقان. رايون خاراكتېرلىك كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىشىش شەرتنامىسىنى ئىمزالاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەسكە توختىغانلىقتىن، سوۋېت ئىتتىپاقى 1935-يىل 3-ئاينىڭ 29 -كۈنى فرانسىيە بىلەن ئايرىم ھالدا ئۆزئارا ياردەملىشىش ئەھدىنامىسى ئىمزالاشنى تەكلىپ قىلغان. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى «سوۋېت-فرانسىيە ئۆزئارا ياردەملىشىش شەرتنامىسى» ئىمزالانغان. 5-ئاينىڭ 16-كۈنى يەنە چېخوسلوۋاكىيە بىلەن «سوۋېت-چېخوسلوۋاكىيە ئۆزئارا ياردەملىشىش شەرتنامىسى» ئىمزالانغان.

شەرق تارىخى تېزىسلىرى

  • شەرق تارىخى تېزىسلىرى[يەشمىسى:]چاۋشيەننىڭ جىزى دەۋرىدىن كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە بولغان جەريان بايان قىلىنغان يىلنامە شەكىلدىكى تارىخ كىتاب. لى سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان ئەن دىڭفۇ يېزىپ چىققان بۇ كىتاب جۇڭگو ۋە چاۋشيەننىڭ تارىخ كىتابلىرى ۋە يازما يادىكارلىقلىرىدىن كەڭ دائىرىدە پايدىلىنىش ئاساسىدا «ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» شەكلىدە يېزىلغان. جەمئىي 20 توم (بىرىنچى جىلد بىر كىتاب، ئىلاۋە ئىككى كىتاب، رەسمىي تارىخ 17 كىتاب). بىرىنچى جىلد كىرىش، مۇندەرىجە، كىتابنىڭ تۈزۈلۈشى ھەققىدە، كىتابنى ئوقۇش كۆرسەتمىسى، خەرىتە، ئەمەلدارلار جەدۋىلى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن. ئىلاۋە ئايرىم جايلار، غەلىتە ئىبارە، پارچە-پۇرات بايانلارنى تەكشۈرۈش، جۇغراپىيىلىك رايونلارنى دەلىللەش، ساھەلەرگە ئايرىش قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن. كىتابقا كىرگۈزۈلگەن يەر-جاي ناملىرىنىڭ ھازىرقى نامى ئىزاھلانغان، گەرچە قەدىمكى ناملارغا ئىزاھ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قەدىمكى پېتىچە ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، دەلىللەشكە قالدۇرۇلغان. شەخسلەر تەرىپىدىن يېزىلغان تارىخ كىتابلىرى ئىچىدە بۇ كىتابنىڭ نامى مەشھۇر بولۇپ، «چاۋشيەن مەجمۇئەلەر سىستېمىسى» غا كىرگۈزۈلگەن.

شەرق تەرىقەتچىلىكى پىرقىسى

  • شەرق تەرىقەتچىلىكى پىرقىسى[يەشمىسى:]چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى خەلق ئارىسىدىكى مەخپىي جەمئىيەت. 1860-يىلى سۈي جيۇ كۇڭزى ۋە بۇددا دىنى تەلىماتىنىڭ ئەقىدىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ، شەرق تەرىقىتى (شەرق تەرىقەتچىلىكى) نى تىكلەپ، كاتولىك دىنى ۋەكىللىك قىلغان «غەرب تەرىقىتى» بىلەن قارشىلاشقان. دەسلىپىدە چىن شاڭداۋ تەرەپلىرىگە تارقىلىپ، ھۆكۈمەتنى ساراسىمگە سالغان، سۈي جيۇ قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. لېكىن ئىككىنچى ئەۋلاد دىنىي كاتتىباش سۈي شىخېڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تېز سۈرئەتتە پۈتۈن مەملىكەتكە تارالغان. نامرات دېھقانلار، ئىشچىلار، شەھەر ئاھالىلىرى، شۇنىڭدەك تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئارقا-ئارقىدىن قاتنىشىپ، زور كۈچكە ئايلانغان. 1894-يىلى شەرق تەرىقەتچىلىكى پىرقىسىدىن بولغان چۈەن بېڭجۇڭ دېھقانلار قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، لى سۇلالىسىنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە چەت ئەل تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنىڭ قۇل قىلىشىغا قارشى تۇرغان، پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان بۇ قوزغىلاڭ تارىختا شەرق تەرىقەتچىلىكى پىرقىسى قوزغىلىڭى، دەپ ئاتالغان. ئىچكى-تاشقى ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنىڭ باستۇرۇشى نەتىجىسىدە، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، تەدرىجىي پارچىلانغان. بىر قىسمى پارتىزانلىق كۈرەشكە يۈزلىنىپ، كېيىنكى ياپونغا قارشى ھەققانىيەتچى ئەسكەرلەر ھەرىكىتى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن. «جاۋۇ دېھقانلار ئۇرۇشى» غا قاراڭ.

شەرق تەرىقەتچىلىكى پىرقىسىدىكىلەرنىڭ قوزغىلىڭى

  • شەرق تەرىقەتچىلىكى پىرقىسىدىكىلەرنىڭ قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] يەنى «جاۋۇ دېھقانلار ئۇرۇشى».

شەرق توپلاملىرى

  • شەرق توپلاملىرى[يەشمىسى:]چاۋشيەننىڭ سىللا دەۋرىدىن تارتىپ لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئەدىبلەرنىڭ شېئىر، ماقالىلىرى توپلىمى. جەمئىي 155 جىلد، بىرىنچى ۋە داۋامى دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىلغان. بىرىنچى قىسمىنى شۈي جۈيجېڭ قاتارلىقلار 1478-يىلى (چېڭ زۇڭ 9-يىلى) تۈزۈپ چىققان. جۇڭزۇڭ مەزگىلىدە (1506-يىلىدىن 1544-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) شېڭ يۇڭكەيلەرگە پەرمان چۈشۈرۈلۈپ، بىرىنچى كىتاب تۈزۈلگەندىن كېيىنكى 40 نەچچە يىللىق ئەسەرلەر توپلامنىڭ داۋامى ھېسابىدا تۈزۈپ چىقىلغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى «كورىيە تارىخى» دا تىلغا ئېلىنماي قالغان قىسىملار، كورىيە دەۋرىدىكى شېئىر، ماقالىلەر كورىيە خاندانلىقى دەۋرىدىكى چاۋشيەن تارىخى ۋە ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە.

شەرققە ساياھەت قىلىش ھەرىكىتى

  • شەرققە ساياھەت قىلىش ھەرىكىتى[يەشمىسى:]ۋيېتنامنىڭ ئىلغار زىيالىيلىرىنىڭ ياپونىيىگە بېرىپ ئوقۇش ھەرىكىتى. ياپونىيە ۋيېتنامنىڭ شەرق تەرىپىدە بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ۋيېتنامنىڭ بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلىرى جۇڭگولۇق كاڭ يۇۋىي، لياڭ چىچاۋلار ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ياپونىيە مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىگە تەقلىد قىلىپ، فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلماقچى بولغان. 1904-يىلى ئىسلاھاتچىلار كوللېكتىپى يېڭىلىققا كۆچۈش ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللىگەن. 1905 — 1908-يىللىرى ئارىلىقىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق ئادەمنى ياپونىيىگە بېرىپ ئوقۇشقا ئۇيۇشتۇرغان، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ۋيېتنامنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ، ئۇلار ھەربىي ئىشلار، مەدەنىيەت ئۆگىنىشتىن سىرت، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقاتىنى زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ ۋەكىلى بولغان فەن پېيجۇ يەنە ياپونىيىدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئىنقىلابچى سۇن جۇڭسەن قاتارلىقلار بىلەن ئالاقىلەشكەن ھەمدە ياپونىيىنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى ئەربابلىرى بىلەنمۇ ئۇچراشقان. ھەرىكەت مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلغان. فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى ياپونىيە ھۆكۈمران گۇرۇھى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بۇ ھەرىكەتكە كۈچىنىڭ بارىچە توسقۇنلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغان. 1908-يىلى 9-ئايدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋيېتنامنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپىنى تارقىتىۋېتىپ، ۋيېتناملىقلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان، ھەرىكەت يىمىرىلگەن.

شەرققە يۈرۈش سىياسىتى

  • شەرققە يۈرۈش سىياسىتى[يەشمىسى:]گېرمانىيە فېئوداللىرى ھەمدە كېيىنكى يۇنكىر بۇرژۇئازىيە بىلەن جاھانگىرلارنىڭ شەرقىي ياۋروپاغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى كېڭەيتىش سىياسىتى. Ⅹ ئەسىردىن ⅩⅢ ئەسىرگىچە، گېرمانىيە فېئوداللىرى ئېلبا دەرياسى، ۋىسلا دەرياسى، نېمان دەرياسى، غەربىي دۋىنا دەرياسى قاتارلىق رايونلاردا چېگرىلىرىنى كېڭەيتىپ، «شەرققە يۈرۈش» شوئارى ئاستىدا، سلاۋىيان ۋە بالتىق دېڭىز قىرغىقىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرگە قارىتا تاجاۋۇزچىلىق كېڭەيمىچىلىكىنى ئېلىپ بارغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 1170-يىلى ئوبودرىتلارنى مەغلۇپ قىلىپ، مېكلېنبۇرگ كىنەزلىكىنى قۇرغان؛ 1180-يىلى بوموريانلارنى مەغلۇپ قىلىپ پومېرانىيە كىنەزلىكىنى قۇرغان؛ Ⅻ ئەسى-رنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ليۇتىچلارنى بويسۇندۇرۇپ، براندېنبۇرگ بەگلىكىنى قۇرغان. 1410-يىلى 7-ئايدا تېئوتون رىتسارلار پولكى گرۇنۋارد ئۇرۇشى (تاننېنبېرگ ئۇرۇشىمۇ دېيىلىدۇ) دا رۇسلار، پولەكلەر ۋە لېتۋالىقلارنىڭ قاقشاتقۇچ زەربىسىگە ئۇچراپ، شەرققە يۈرۈشنى ۋاقتىنچە توختاتقان. ⅩⅦ ئەسىردىن باشلاپ براندېنبۇرگ -پرۇسسىيىدىكى بەگلىكلەر داۋاملىق شەرقىي ياۋروپاغا قاراپ ئۆز زېمىنلىرىنى كېڭەيتكەن. كېيىن بۇ سىياسەت يەنە گېرمانىيە يۇنكىر بۇرژۇئازىيىسى، جاھانگىرلار ۋە فاشىست ئۇنسۇرلىرىنىڭ شەرقىي ياۋروپا خەلقلىرىنى بويسۇندۇرۇش ۋە قۇل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، دۇنياغا زومىگەرلىك قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىكى مۇھىم سىياسەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

شەرق ئومۇمىي پىلانى

  • شەرق ئومۇمىي پىلانى[يەشمىسى:]فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋروپانى مۇستەملىكە رايونىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇش پىلانى. گېملېر لايىھىلەپ چىققان، 1942-يىلى 6-ئايدا گىتلېر تەستىقلىغان. گېرمانىيىنىڭ «ھاياتلىق بوشلۇقى» نى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، پىلاندا: 30 يىل ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسى ئىچىدىن %65 غەربىي ئوكرائىننى، %75 بىلوروسنى؛ پولشا تېررىتورىيىسى ئىچىدىن 80 %— 85 كىچە پولەكنى شۇنىڭدەك خېلى كۆپ ساندىكى لاتىشلار، لىتۋالىق ۋە ئېستونلارنى كۆچۈرۈپ يۆتكەپ كېتىش بەلگىلەنگەن. ئومۇمىي ئادەم سانى تەخمىنەن 31 مىليون بولۇپ، كېيىنچە يەنە 46 مىليوندىن 51 مىليون ئادەمگىچە كۆپەيتكەن. پىلان بويىچە، 10 مىليون نېمىس مەزكۇر رايونلارغا كۆچۈرۈلمەكچى بولغان.

شەرق ۋە غەرب چېركاۋلىرىنىڭ چوڭ بۆلۈنۈشى

  • شەرق ۋە غەرب چېركاۋلىرىنىڭ چوڭ بۆلۈنۈشى[يەشمىسى:]كاتولىك دىنىدىكى شەرق ۋە غەرب ئىككى مەزھەپنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك نىزا-جاڭجالدىن كېيىن، 1054-يىلى پراۋسلاۋىيە دىنى بىلەن كاتولىك دىنىغا بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مىلادى 395-يىلى رىم ئىمپېرىيىسى شەرق، غەرب رىم ئىمپېرىيىسى بولۇپ بۆلۈنگەندىن كېيىن، خرىستىئان دىنىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ شەرق، غەربتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەزھەپكە بۆلۈنۈپ كەتكەن. شەرقىي تەرەپتىكى چېركاۋلار ئۆزلىرىنى «ئورتودوكسال دىن» دەپ ھېسابلاپ، «پراۋسلاۋىيە» دىنى دەپ ئاتىغان. كونستانتىنوپولدىكى ئارخېئېپسكوپ باشچىلىق قىلغان. غەربىي تەرەپ چېركاۋلىرى ئۆزلىرىنى «دۇنياۋى خاراكتېر»دىكى دەپ قاراپ، «كاتولىك» دىنى دەپ ئاتاپ، رىم ئېپسكوپى (Ⅴ ئەسىردىن باشلاپ ئۆزىنى پاپا دەپ ئاتىغان) باشچىلىق قىلغان. ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش، دىن تارقىتىدىغان رايونلارنى تالىشىش ۋە چېركاۋلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەسكىن كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارغان. ئىككى تەرەپنىڭ دىنىي ئەقىدە مەسىلىسىدىمۇ سەل-پەل ئىختىلاپ بولغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، جەنۇبىي ئىتالىيىدىكى دىنىي ھوقۇقىنى تالىشىپ زادىلا پېتىشالمىغان. 1054-يىلى رىم پاپاسى بىلەن كونستانتىنوپول ئارخېئېپىسكوپى ئۆزئارا قارشى تەرەپنىڭ دىنىي تەۋەلىكىنى بىكار قىلغان. شۇنداق قىلىپ پراۋسلاۋىيە دىنى بىلەن كاتولىك دىنى رەسمىي بۆلۈنگەن.

شەرقىي ئافرىقا ئادىمى

  • شەرقىي ئافرىقا ئادىمى[يەشمىسى:]Zinjanthropus boisei) شەرقىي ئافرىقىدىن تېپىلغان تاشقا ئايلانغان جەنۇبىي ئىقلىم قەدىمكى مايمۇنسىمان ئادىمى. 1959-يىلى ئەنگلىيىلىك ئانتروپولوگ مارى لېئاكېي ( Mary Lea Key) شەرقىي ئافرىقىدىكى تانزانىيە تانگانىكانىڭ ئولدۇۋائىي جىلغىسى (Olduvai Gorge) دىن تاپقان باش سۆڭىكىدىن بىرى بولۇپ، ئارى كالىي رادىئوئاكتىپلىق ئۇسۇل بىلەن ئېنىقلاپ بېكىتىشكە ئاساسلانغاندا، ياشىغان دەۋرى تەخمىنەن بۇنىڭدىن بىر مىليون 750 مىڭ يىل بۇرۇن بولغان. باش سۆڭەك قۇرۇلمىسى قوپال ھەم يوغان، سۆڭەك تېمى سەل قېلىن، پېشانە سۆڭىگى كەينىگە قىيسايغان، كۆز چانىقىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە تەرەققىي قىلغان چاناق ئۈستى يۇمىلاق ياستۇقچىسى بار، كۆز چانىقىنىڭ كەينى كۆرۈنەرلىك تارايغان، باش سۆڭىكىنىڭ ئەڭ كەڭ ئورنى مېڭە قېپىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەرىپىدە، بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئىپتىدائىي؛ لېكىن ئوتتۇرا چىشى بىلەن قوزۇق چىشى ناھايىتى ئۇششاق بولۇپ، ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، قورال ياساشنى بىلگەن ئەڭ بالدۇرقى ئادەم دەپ قارىلىپ، «شەرقىي ئافرىقا ئادىمى» دېگەن نام قويۇلغان. ھازىر كۆپلىگەن ئانتروپولوگلار شەرقىي ئافرىقا ئادىمى جەنۇبىي ئىقلىم قەدىمكى مايمۇنسىمان ئادىمىگە مەنسۇپ بولۇشى، ئىلمىي نامى جەنۇبىي ئىقلىم مايمۇنسىمان بوئىسەي ئۇرۇقى (Australopithecus Boisei) دەپ ئاتىلىشى كېرەك، دەپ قارىماقتا.

شەرقىي ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسى

  • شەرقىي ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسى[يەشمىسى:] شەرقىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى. 1917-يىلى 6-ئايدا، تانزانىيە، كېنىيە ۋە ئۇگاندا قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭى كامپالادا «شەرقىي ئافرىقا ھەمكارلىق شەرتنامىسى» غا ئىمزا قويۇپ، شەرقىي ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇشنى قارار قىلغان، شۇ يىلى 12-ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە يەنە شەرقىي ئافرىقا ئورتاق بازىرى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئاساسلىق ۋەزىپىسى: ئۈچ دۆلەت سانائەت، سودا ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئورتاق گەۋدىگە قاراشلىق بولغان ئۈچ دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىشلىرى: تۆمۈريول، پورت، ئاۋىئاتسىيە، پوچتا، ھاۋا رايى، چېگرا بېجى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرقىي ئافرىقا تەرەققىيات بانكىسى، شەرقىي ئافرىقا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى تەسىس قىلىنغان. 1969-يىلى «ئورتاق گەۋدە» غەربىي ياۋروپا ئورتاق بازىرى بىلەن «ئارۇشا شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. شەرقىي ئافرىقا ئىدارىسى ئۇنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭىدىن تەشكىللەنگەن. يەنە شەرقىي ئافرىقا قانۇن تۇرغۇزۇش پارلامېنتى، ئورتاق بازار كومىتېتى ھەمدە مەركىزىي كاتىباتلىق باشقارمىسىمۇ بار. باش ئورگىنى تانزانىيىنىڭ ئارۇشا دېگەن يېرىدە.

شەرقىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى

  • شەرقىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى[يەشمىسى:]تولۇق ئاتىلىشى «شەرقىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى». 1966-يىلى شەرقىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى 11 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى نايروبىيدا يىغىن ئېچىپ، قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇرۇندى، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، چاد، كونگو، ئېكۋاتورگۋىنىيىسى، كامېرون، ئېفىئوپىيە، گابون، كېنىيە، مالاۋىي، رۋاندا، سۇمالى، سۇدان، تانزانىيە، ئۇگاندا، زايىر ۋە زامبىيىدىن ئىبارەت 17 ئەزا دۆلەت بار. يىغىننىڭ مەقسىتى، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قوشنىدارچىلىق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى، ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇستەملىكىچىلىككە، ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشتىن ئىبارەت. 1969-يىلى 3-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا جەنۇبىي ئافرىقا توغرىسىدىكى «لۇساكا خىتابنامىسى» ماقۇللىنىپ، «مۇستەملىكىچىلىككە ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى» نى جاكارلىغان. 1978-يىلىغىچە جەمئىي توققۇز قېتىم يىغىن ئېچىلغان. ھەر قېتىملىق يىغىندىن ئىلگىرى، مىنىستىرلار يىغىنى چاقىرىلىپ تەييارلىق ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلغان. 

شەرقىي ئەل ئومۇمىي رىسالىسى

  • شەرقىي ئەل ئومۇمىي رىسالىسى[يەشمىسى:]چاۋشيەننىڭ قەدىمكى يىلنامە تارىخ كىتابى. ئۈچ دۆلەت مەزگىلىدىن تارتىپ كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگىچە بولغان تارىخ بايان قىلىنغان. شۈي جۇيجېڭ قاتارلىقلار يازغان. 1484-يىلى (چېڭ زۇڭ 15-يىلى) پۈتكەن. 56 جىلد، قوشۇمچە تارىخ بىر جىلد، بىرىنچى جىلد ۋە قوشۇمچە تارىختا لىن جۈن، جىزى ۋە ۋىيمەن دەۋرىدىكى چاۋشيەن، خەن سۇلالىسىنىڭ تۆت ۋىلايەت دەۋرى ۋە ئۈچ خەن قاتارلىقلار بايان قىلىنغان. رەسمىي تارىخ بولسا ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىن كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە قەدەر بولغان يىلنامە. مەزمۇنىنى ئىپادىلەشتە «كورىيە تارىخىنىڭ قىسقارتىلمىسى»، «ئۈچ دۆلەت تارىخىنىڭ قىسقارتىلمىسى»، شۇنىڭدەك باشقا جۇڭگو تارىخ كىتابلىرىدىن ئېلىنغان. ئىنچىكىلىك بىلەن سېلىشتۇرۇلمىغاچقا، خاتالىقلار بىرقەدەر كۆپ، يەنە كېلىپ ئومۇملاشتۇرۇلغان ئەسەر بولغاچقا، تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتى يۇقىرى ئەمەس.

شەرقىي پرۇسسىيە

  • شەرقىي پرۇسسىيە[يەشمىسى:]Ostpreussen) تارىخي رايون نامى. بالتىق دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىرغىقى، ۋىسلا دەرياسى بىلەن نېمېن (Niemen) دەرياسىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان، شۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان يەرلىك ئاھالە — پرۇسسىلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تېئوتون رىتسارلار پولكى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، مۇستەقىل ھالدىكى رىتسارلار دۆلىتى قىلىپ قۇرۇلغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تېئوتون رىتسارلار پولكى يەنە ۋىسلا دەرياسىنىڭ غەربىدىكى گدانىسكى رايونىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇنى غەربىي پرۇسسىيە دەپ ئاتىغان. 1466-يىلى تېئوتون رىتسارلار پولكى پولشالىقلاردىن يېڭىلىپ، غەربىي پرۇسسىيە پولشاغا قوشۇۋېلىنغان، شەرقىي پرۇسسىيىنى يەنىلا تېئوتون رىتسارلار پولكى ئىگىلەپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن پولشاغا ئىتائەت قىلغان. 1511-يىلى ھىنزۇللېرن جەمەتىدىن ئالبېرېت (Albercht، 1490 — 1568) تېئوتون رىتسارلار پولكىنىڭ باشلىقى بولغان. 1525-يىلى ئالبېرىت شەرقىي پرۇسسىيىنى پرۇسسىيە كىنەزلىكىگە ئۆزگەرتكەن. 1618-يىلى براندېنبۇرگ كىنەزلىكى بىلەن پرۇسسىيە كىنەزلىكى بىرلەشتۈرۈلۈپ، براندېنبۇرگ-پرۇسسىيە دۆلىتى قۇرۇلغان؛ 1701-يىلى پرۇسسىيە پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1772-يىلى پرۇسسىيە پادىشاھلىقى غەربىي پرۇسسىيىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، زېمىنىنى غەربتىن-شەرققىچە تۇتاشتۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1919-يىلىدىكى «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى» غا ئاساسەن، غەربىي پروسسىيىنىڭ بىر قىسمى پولشاغا قايتۇرۇپ بېرىلىپ، شەرقىي پرۇسسىيە يەنىلا پرۇسسىيىنىڭ ئىلكىدە بولغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1945-يىلىدىكى پوتىسدام يىغىنىدا شەرقىي پرۇسسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى پولشاغا قوشۇپ بېرىش، شىمالىي قىسمىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بۆلۈپ بېرىش قارار قىلىنغان.

شەرقىي پرۇسسىيە ئۇرۇشى

  • شەرقىي پرۇسسىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:]بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى روسىيە-نېمىس ئارمىيىلىرىنىڭ شەرقىي لىنىيىدىكى بىرىنچى قېتىملىق زور كۆلەملىك ئۇرۇشى (1914-يىل 8-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە). غەربىي لىنىيىدىكى جىددىيچىلىك ۋە فرانسىيىنىڭ ھەدەپ دەۋەت قىلىشى ئارقىسىدا، روسىيە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىشنى تۈگەتمەستىنلا ئالدىراپ-تېنەپ زور كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغان، ئۇنىڭ مەقسىتى شەرقىي پرۇسسىيىنى ئىشغال قىلىش ۋە گېرمانىيىنىڭ ئىچكى قىسمىغا چوڭقۇرلاپ كىرىشتىن ئىبارەت. نېمىس ئارمىيىسى روسىيە ئارمىيىسى قىسمەن غەلىبىگە ئېرىشكىنىدىن كېيىن، قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچىنى يىغىپ چوڭ كۆلەملىك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. روسىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق قىلىشى نامۇۋاپىق بولۇپ، ماسلىشىشى كەمچىل بولغانلىقتىن،8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ۋە9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ئۆز دۆلىتىگە چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي لىنىيە ئۇرۇشى تەدرىجىي روسىيە تېررىتورىيىسى ئىچىگە يۆتكەلگەن.

شەرقىي پومېرزې ئۇرۇشى

  • شەرقىي پومېرزې ئۇرۇشى[يەشمىسى:]ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئارمىيىسى پولشادىكى پومېرزې (Pomerze) نىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلاردا قىلغان ئۇرۇش. 1945-يىلى 2-ئايدا سوۋېت ئارمىيىسى پومېرزېدىكى مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 3-ئاينىڭ 5-كۈنى بالتىق دېڭىز قىرغىقىغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن، 10-كۈنى ئودېر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئۇرۇش سېپىگە يېتىپ بېرىپ، 30 -كۈنى گدانىسكنى ئىشغال قىلغان. سوۋېت ئارمىيىسى پومېرزې رايونىدىكى نېمىس قوشۇنىنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، بېرلىن ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىشقا كىرىشكەنىدى.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى

  • شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] قىسقارتىپ «شەرق ئىتتىپاقى» دەپ ئاتىلىدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى. 1967-يىل 8-ئاينىڭ 8-كۈنى تايلاندنىڭ پايتەختى مەنگۇدا قۇرۇلغان. ئەزا دۆلەتلەر: ھىندۇنېزىيە، تايلاند، فىلىپپىن، سىنگاپور ۋە مالايشيالاردىن ئىبارەت. «شەرق ئىتتىپاقى» قۇرۇلغاندىن كېيىن، «ئۆزئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش» نى تەكىتلىگەن. 1971-يىلى 11-ئايدا ئېچىلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانى بىتەرەپ قىلىش خىتابنامىسى» نى ماقۇللاپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانى تىنچ، ئەركىن ۋە بىتەرەپ رايونغا ئايلاندۇرۇپ، سىرتتىن كېلىدىغان كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ئارىلىشىشىنى قوبۇل قىلماسلىقنى جاكارلىغان، 1980-يىلى 3-ئايدا شەرق ئىتتىپاقى ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، شەرق ئىتتىپاقى — ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى ھەمكارلىق كومىتېتىنى قۇرغان. بۇ ئىتتىپاق ھەر يىلى بىر قېتىم ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىدىن تەشكىل تاپقان مىنىستىرلار يىغىنى ئاچقاندىن باشقا يەنە دائىمىي كومىتېتى ۋە كاتىبات باشقارمىسى تەسىس قىلغان. كاتىبات باشقارمىسى جاكارتادا تەسىس قىلىنغان.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا كوللېكتىپ مۇداپىئەلىنىش شەرتنامىسى

  • شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا كوللېكتىپ مۇداپىئەلىنىش شەرتنامىسى[يەشمىسى:]«مانىلا شەرتنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1954-يىل 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، فىلىپپىن، تايلاند ۋە پاكىستانلار بىلەن فىلىپپىننىڭ مەركىزىي مانىلادا ئىمزالىغان ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى. شەرتنامىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولغان ئۆز ئىچىدە ۋە ئۆزئارا ياردەم قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قوراللىق ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمدە ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش؛ شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر تەھدىتكە ئۇچرىغاندا، دەرھال كېڭىشىپ، ئورتاق مۇداپىئەلىنىش تەدبىرىنى قوللىنىش تەكىتلەنگەن. شەرتنامىگە ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان، يەنى تاجاۋۇزچىلىق ۋە قوراللىق ھۇجۇمنىڭ مەنىسى «پەقەتلا كوممۇنىستىك پارتىيىلەرنىڭ تاجاۋۇزىغىلا مۇۋاپىق كېلىدۇ». لېكىن «ناۋادا باشقا تاجاۋۇزچىلىق ياكى قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەندە»، مەزكۇر شەرتنامىنىڭ روھىغا ئاساسەن «كېڭىشىش كېرەك»، دېگەن «چۈشىنىش» قوشۇمچە قىلىنغان. 1955-يىلى شەرتنامە كۈچكە ئىگە بولغاندا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلغان. باش ئورگىنى تايلاندنىڭ پايتەختى بانگوكتا تەسىس قىلىنغان. 1967-يىلىدىن باشلاپ فرانسىيە رەسىمىي ۋەكىل ئەۋەتىپ مىنىستىر دەرىجىلىك ئەزالار يىغىنىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان؛ 1972 -يىلى 11-ئايدا پاكىستان مەزكۇر تەشكىلاتتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. 1977-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكى رەسمىي جاكارلانغان. خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، تايلاند، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆز رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، 1980-يىلىنىڭ بېشىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەزكۇر شەرتنامىنىڭ «يەنىلا كۈچكە ئىگە» ئىكەنلىكىنى، «ھەرقايسى دۆلەتنىڭ مانىلا شەرتنامىسىگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى» بىلدۈرۈشكەن.

شەرقىي چوڭ ئىبادەتخانا

  • شەرقىي چوڭ ئىبادەتخانا[يەشمىسى:]ياپونىيە بۇددا دىنى بۇددا ۋاتام ساكاماخاۋايپوليا مەزھىپىنىڭ باش ئىبادەتخانىسى، دۆلەتنىڭ باش تارماق ئىبادەتخانىسى. ئەۋلىيا سۇۋارناپراباسوتتاماكوتنىڭ دۆلەتنى قوغداش ئىبادەتخانىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىلادى 743-يىلى تېننو شومۇ لوسانا چوڭ بۇتنى ياسىتىش ئارزۇسى بىلەن، 747-يىلى خېيئان ئوردىسىنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق جايدا شەرقىي چوڭ ئىبادەتخانىنى ياساتقان ھەمدە چوڭ بۇتنى قۇيدۇرۇشقا باشلىغان. 749-يىلى پۈتتۈرۈپ، 4000 ئۆيلۈكنى 100 قۇل-دېدەكنى ھەدىيە قىلغان، چوڭ بۇتخانا 751-يىلىدا پۈتتۈرۈلگەن. 754-يىلى جۇڭگولۇق جيەنجېن ياپونىيىگە بارغاندىن كېيىن، ئۇ يەرگە پەرھىز پەشتىقى ياساتقان. 756-يىلى تېننو شومۇ ئۆلگەندىن كېيىن، نۇرانى شاھسانىيە ئۇنىڭدىن مىراس قالغان نەرسىلەرنى شەرقىي چوڭ ئىبادەتخانىغا ھەدىيە قىلغان، ھازىر ئامبار قورۇسىدا ساقلانماقتا. نارا مەزگىلىدە، كۆپ ساندىكى ئائىلىلىكلەرنى ھەدىيە قىلغان بولۇپ، قۇرۇق تېرىلغۇ يەرلەر 1500 تاغارغا يەتكەن. خېيئان دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە ھەدىيە قىلىنغان ئائىلىلىكلەر ئازلاپ كېتىپ، ئاساسلىق كىرىم قورۇقلارغا قاراپ قالغان. خوگېن، پىڭ جىژ توپىلاڭلىرىدىن كېيىن، تائىرا جەمەتىگە قارشى تەرەپكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، 1180-يىلى خانىقا، مۇنار قاتارلىقلار پىڭ چوڭخېڭ تەرىپىدىن كۆيدۈرۈلۈپ ۋەيران قىلىنغان. كاماكۇرا مەزگىلىدە مىناموتويورى تومو قايتىدىن ياساتقان، جۇڭگونىڭ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە دېڭىزدىن شەرققە ئۆتكەن قۇيمىچىلىق ئۇستىسى چېڭ خېچىنمۇ بۇ ئىشقا قاتناشقان، مۇرۇماچى دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە چوڭ بۇتخانا يەنە كۆيدۈرۈلگەن، كېيىن يامادا مىچىيا سۇ تەرىپىدىن رېمونت قىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. تويوتومى ھىدېيوشى دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئۆلچىگەندە ئىبادەتخانىغا تەۋە قورۇقلار تەدرىجىي ۋەيران بولغان. توكۇگاۋا بارگاھى ئىبادەتخانىغا تاپشۇرۇلىدىغان يىللىق ئولپاننى 3500 دادەن قىلىپ بېكىتكەن. 1692-يىلى چوڭ ئىبادەتخانىدىكى چوڭ بۇتخانا قايتا ياسىلىپ، چوڭ بۇت قايتىدىن قۇيۇلغان. بۈگۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدىكى فېۋرال خانىقاسى، چۈەنخەي دەرۋازىسى، فاخۇا خانىقاسى ھەم ئامبار قورۇسى نارا مەزگىلىدە ياسالغان، جەنۇبىي ئەرش دەرۋازىسى، قوڭغۇراق راۋىقى قاتارلىقلار كاماكۇرا مەزگىلىدە ياسالغان، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدە خېيئان دەۋرىگە ئائىت يازما يادىكارلىقلار بىرقەدەر كۆپ ساقلانغان.

شەرقىي رۇمېلىيا مەسىلىسى

  • شەرقىي رۇمېلىيا مەسىلىسى[يەشمىسى:]ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بۇلغارىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى زېمىنى رۇمېلىيە (Восточиноя Румелмя) غا قارىتا بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىنى كۆرسىتىدۇ. 1878-يىلى 3-ئايدا روسىيە-تۈركىيە ئىمزالىغان «سان-سېتېفانو شەرتنامىسى» دا بەلگىلەنگەن بۇلغارىيە چېگرىسى، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1878-يىلى 7-ئايدا، ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر «بېرلىن شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، بۇلغارىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا شەرقىي رۇمېلىيە ئاپتونوم رايونىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭغا تۈركىيە سۇلتانىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشىنى بەلگىلىگەن.1879-يىلى 4-ئايدا يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلىي نىزامىنى بېكىتىپ چىقىپ، ئاپتونوم رايون تۈركىيە سۇلتانى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن باش ۋالىيسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ، لېكىن بۇ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. 1885-يىلى 9-ئايدا، بۇل-غارىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى شەرقىي رۇمېلىيىنىڭ مەركىزىي پلوۋدىۋادا باش ۋالىينى قولغا ئېلىپ، شەرقىي رۇمېلىيىنى قايتىدىن بۇلغارىيە كىنەزلىكى بىلەن بىرلەشتۈرگەن. 1886-يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى نائىلاج بىرلەشتۈرۈلگەن پاكىتنى ئېتىراپ قىلغان. 1908-يىلى 9-ئايدا بۇلغارىيە مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان، ھەرقايسى ئەللەر شەرقىي رۇمېلىيىنىڭ بۇلغارىيىگە قوشۇۋېلىنغانلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان.

شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى

  • شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:]يەنى «ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى».

شەرقىي زېمىننىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى

  • شەرقىي زېمىننىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن يەر-جاي تەزكىرىسى. 1481-يىلى (چېڭ زۇڭ 12 -يىلى) پۈتكەن، جەمئىي 50 جىلد. 1486-يىلى يەنە «دامىڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى» دىن پايدىلىنىپ، تولۇقلىنىپ، 55 جىلدلىق «يېڭى يېزىلغان ئەل زېمىننىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى» قىلىپ تۈزۈلۈپ نەشىر قىلىنغان. 1499-يىلى (يەن شەن 5-يىلى) قايتا بېكىتىلىپ نەشىر قىلىنغان. 1531-(جۇڭ زۇڭ 26-يىلى) لى شىن قاتارلىقلار پەرمان بويىچە يېڭى ئىشلارنى تولۇقلاپ يېزىپ، 55 جىلدلىق «يېڭىدىن تولۇقلانغان شەرقىي ئەل زېمىنىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى» نى تۈزۈپ چىققان، رېن چىڭ ۋەتەن ئۇرۇشىدا كىتاب بېتى چېچىلىپ كەتكەن، گۇاڭ خەي جۈن ۋاقتىدا يەنە بىرمۇنچە تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلۈپ، 1611-يىلى (گۇاڭ خەنجۈن 3-يىلى) قايتا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان. كېيىنكى مەزگىللەردە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغانلىرىمۇ مۇشۇ قېتىمقى نەشىر نۇسخىسىنى ئاساس قىلىشقان. كىتاب مەزمۇنى: ئىككى ئاستانە، سەككىز ۋىلايەت، ھەرقايسى ئايماق، ناھىيىلەرنىڭ ئايرىم قوشۇمچە قىلىنغان خەرىتىسى. قۇرۇلۇش جەريانى، ۋىلايەت نامى، ئىسىم-فامىلىسى، ئۆرپ-ئادىتى، گۈزەل مەنزىرىلەر، تاغ-دەريالار، شەھەر سېپىللىرى، تۇرلار، سارايلار، مەكتەپلەر، لەنگەر-ئۆتەڭلەر، كۆۋرۈكلەر، مەمۇرىي خىراجەت، بۇتخانىلار، ئىبادەتخانىلار، مازارلار، قەدىمكى خارابىلەر، مەشھۇر ئەمەلدارلار، ئەدىبلەر، ۋاپادارلار، ئىپپەتلىك ئاياللار، سەرلەۋھىلىك مەدھىيىلەر تەرتىپ بويىچە مۇندەرىجە تۇرغۇزۇلۇپ ئايرىم خاتىرىلەنگەن. كىتابنى تۈزۈشتە ھەم بۇرۇنقى بارلىق مۇھىم يازما يادىكارلىقلار تەتبىق قىلىنغان، ھەم يەرلىكتىكى مۇناسىۋەتلىك شېئىر، ماقالىلەر، ئەدىبلەر يىغىپ رەتلەنگەن بولۇپ، يالغۇز يەر-جاي تەزكىرىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى مەدەنىيەت تارىخى قىممىتىگىمۇ ئىگە. ئىسىم-فامىلە تۈرى چاۋشيەن جەمئىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شەرقىي گوت پادىشاھلىقى

  • شەرقىي گوت پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]گوتلارنىڭ شەرقىي تارمىقى قۇرغان فېئودال پادىشاھلىق. مىلادى 488-يىلى، شەرقىي گوتلار پادىشاھى تېئودورىك قەبىلىسىنى باشلاپ ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلغان. 493-يىلى ئىتالىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بەدۋىلەرنىڭ ياللانما قوشۇنىنىڭ قوماندانى ئودوئاكېرنى مەغلۇپ قىلىپ راۋېننانى ئىشغال قىلغان ھەمدە مەزكۇر شەھەرنى پايتەخت قىلىپ، شەرقىي گوت پادىشاھلىقىنى قۇرغان، تېررىتورىيىسى ئىتالىيە يېرىم ئارىلى، سىتسىلىيە ئارىلى ۋە دالماتىيە (Dalmatia، ئادرىياتىك دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان) لارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، كېيىن يەنە پروۋانس (فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقان) نىمۇ قوشۇۋالغان. شەرقىي گوتلار ئىتالىيىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى رىم مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، پارچىلىنىشى تېزلەشكەن، ئاز ساندىكى ئاقسۆڭەكلەر چوڭ يەر ئىگىلىرىگە ئايلىنىپ، قۇللار ۋە قۇل دېھقانلارنى ئىشلەتكەن؛ دۆلەتنىڭ ئەدلىيە ۋە مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىدىمۇ كۆپىنچە رىمنىڭ كونا تۈزۈمى داۋاملاشتۇرۇلغان ھەمدە رىم ئاقسۆڭەكلىرى مۇھىم ئەمەللەرگە قويۇلغان. شەرقىي گوت ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن رىم ئاقسۆڭەكلىرى قوشۇلۇپ «يېڭى رىم پەرەسلەر» دەپ ئاتىلىپ، شەرقىي گوت ھەربىي ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن ئاددىي ئۇرۇق ئەزالىرى («كونا گوتلار» دەپ ئاتالغان) نىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 535-يىلى، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى جۇستىنىئانۇس پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بېلىسئارىئۇسنى قوشۇن تارتىپ تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىپ، سىتسىلىيە ئارىلى بىلەن ئىتالىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالغان. شەرقىي گوت پادىشاھى تۇتىلا بىر مەزگىل مەغلۇبىيەتلىك ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ، قولدىن كەتكەن كۆپ قىسىم جايلىرىنى قايتۇرۇۋالغان. جۇستىئانۇس باشقىدىن نارسېسنى يىراققا يۈرۈش قىلىپ ئىتالىيىگە بېرىشقا ئەۋەتكەن. 552-يىلى تۇتىلا بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا يارىدار بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەن. 555-يىلى شەرقىي گوت پادىشاھلىقى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.

شەرقىي ھېندۇنېزىيە پارتىيىسى

  • شەرقىي ھېندۇنېزىيە پارتىيىسى[يەشمىسى:]ھىندۇنېزىيىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن گوللاندىيىلىكلەر قۇرغان ئىلغار سىياسىي تەشكىلات. 1912-يىلى قۇرۇلغان. قۇرغۇچىسى دېككېر (.DouwesE.F.E. Dekker). بارلىق ھىندۇنېزىيىلىكلەرنى يەنى ھېندۇنېزىيىدە تۇغۇلۇپ-ئۆسكەن، ھىندۇنېزىيىنى ۋەتەن قىلغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھەممىسىنى مىللەت ئايرىماي، بىردەك باراۋەر بولۇش، ئاخىرقى ھېسابتا گوللاندىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك ھىندۇنېزىيىدە تۇغۇلغان گوللاند-ھىندى ئارغۇنلىرى ئىدى. مەزكۇر پارتىيىدىكىلەر گوللاندىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرىگە قارشى بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆپ ساندىكى رەھبەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن چېگرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان. 1913-يىلى تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

شەرقىي ھىندۇنېزىيە سوتسىيال دېموكراتلار ئىتتىپاقى

  • شەرقىي ھىندۇنېزىيە سوتسىيال دېموكراتلار ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]ھىندۇنېزىيە ۋە گوللاندىيىلىك ئىنقىلابىي زىيالىيلىرىنىڭ ھىندۇنېزىيە ئىشچىلىرى ۋە خەلقى ئارىسىدا ماركسىزمنى تارقىتىدىغان سىياسىي تەشكىلاتى. 1914-يىلى 5-ئايدا گوللاندىيىلىك سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئادىمى سىنېۋلېت (Hendrik Sneevliet، كېيىن ئىسمىنى مارىڭغا ئۆزگەرتكەن) نىڭ تەشەببۇسى بىلەن، سۇرا بايادا قۇرۇلغان. ھىندۇنېزىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىشچى-دېھقانلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە كۈرەش قىلىش، خەلقنى سوتسىيالىزم ئارقىلىق تەربىيىلەش، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇش قاتارلىق سىياسىي تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، كەڭ ئىشچىلار ۋە باشقا مېھنەتكەش خەلقلەر ئارىسىدا ماركسىزمنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى تەشكىللەپ، ئىشچىلار ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان، بولۇپمۇ «ئىسلام دىنى ئىتتىپاقى» ئىچىدە مىللىي بىرلىك سەپ خىزمىتىنى پائال ئېلىپ بارغان. ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىدىيە ۋە كادىرلار جەھەتتە شەرت-شارائىت ھازىرلىغان. 1920-يىل 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېچىلغان. 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا نامىنى ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىش قارار قىلىنغان.

شەرقىي ئۇرۇش سېپى

  • شەرقىي ئۇرۇش سېپى[يەشمىسى:]1939 — 1940-يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەرب تەرەپتىكى زېمىنىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق قۇرۇپ چىق-قان. گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان مۇداپىئە لىنىيىسى. 1939-يىلى 9-ئايدا گېرمانىيە پولشاغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئېغىر تەھدىتىگە قارىتا، سوۋېت ئىتتىپاقى غەربىي چېگرىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى. 9-ئاينىڭ 16-كۈنى پولشا ھۆكۈمىتى سەرگەردان بولۇپ رومىنىيىگە باردى. ئىككىنچى كۈنى سوۋېت ئارمىيىسى سوۋېت-پولشا چېگرىسىدىن ئۆتۈپ، غەربىي ئوكرائىنا بىلەن غەربىي بلوروسىيىگە كىردى. 11-ئاينىڭ 1-ۋە 2-كۈنلىرى غەربىي ئوكرائىنا بىلەن غەربىي بلوروسىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئوكرائىناسى ۋە سوۋېت بلوروسىيىسى بىلەن قوشۇۋېتىلدى. 1940-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى سوۋېت-فىنلاندىيە ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ، فىنلاندىيە بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، كارېلكاياغا تۇتاشقان ۋبورگ شۇنىڭدەك باشقا بىرمۇنچە يەرلەرگە ئېرىشتى ھەمدە خانكو يېرىم ئارىلى ھەم ئۇنىڭغا يېقىن ئاراللارنى ئىجارىگە ئېلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇردى.6-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋە 16-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئايرىم-ئايرىم لېتۋا، لاتۋىيە ۋە ئېستونىيىلەرگە نوتا ئەۋەتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا دوستانە بولغان يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇشنى، قىزىل ئارمىيىنىڭ ئۈچ دۆلەت چېگرىسى ئىچىگە كىرىپ تۇرۇشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى؛ 7-ئايدا ئۈچ دۆلەتتە سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇپ، 8-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۈچ دۆلەت سوۋېت ئىتتىپاقىغا كىردى. 1940-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى رومىنىيىدىن بېسارابىيەنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، شىمالىي بۇكوۋىنا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇلدى، 6-ئاينىڭ 28-كۈنى سوۋېت ئارمىيىسى بېسارابىيە بىلەن شىمالىي بۇكوۋىناغا كىردى. 8-ئاينىڭ 2-كۈنى بېسارابىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مولداۋىيە جۇمھۇرىيىتى بىرلەشتۈرۈلدى، شىمالىي بۇكوۋىنا بىلەن ئوكرائىنامۇ بىرلەشتۈرۈلدى، يۇقىرىقى ھەرىكەتلەر قوللىنىلغانلىقتىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي چېگرىسى ئەسلىدىكى چېگرىسىدىن غەربكە 300 — 400 كىلومېتر ئۇزىراپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ستراتېگىيىلىك ئورنى مۇئەييەن دەرىجىدە ياخشىلاندى. 

شەنگو

  • شەنگو[يەشمىسى:]بىرمىدىكى قەدىمىي دۆلەت. ئورنى ھازىرقى بىرمىنىڭ شەرقىي شىمالىي ئەتراپىدا. مىلادىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا جۇڭگو بىلەن ئالاقە باغلىغان. 97-يىلى (شەرقىي خەن سۇلالىسى يۇڭيۈەن 9-يىلى) ئەلچى ئەۋەتىپ ئېسىل گۆھەر تەقدىم قىلغان. 120-يىلى (شەرقىي خەن سۇلالىسى يۇڭنىڭ 1-يىلى) پادىشاھ يۇڭ يۇتياۋ شەرقىي خەن سۇلالىسىگە يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇزىكىسى ۋە سېھىرگەرلىكىنى جۇڭگوغا تونۇشتۇرغان. 131-يىلى (شەرقىي خەن سۇلالىسى يۈڭجيەن 6-يىلى) يەنە جۇڭگونى زىيارەت قىلىشقا ئەلچى ئەۋەتكەن. شەرقىي خەن سۇلالىسى ھەر قېتىم دوستانە كۈتۈۋالغان.

شەھەر بازارلىرى

  • شەھەر بازارلىرى[يەشمىسى:] ياپونىيە فېئودال يەر ئىگىلىرىنىڭ قەلئەلىرى ئەتراپىدىكى شەھەر رايونى. ياپونىيە شەھەرلىرىنىڭ سېپىلى يوق بولۇپ، فېئودال يەر ئىگىلىرىنىڭ قەلئە شەكلىدىكى تۇرالغۇ ئۆيلىرى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان. كاماكۇرا دەۋرىدە، كاماكۇرانىڭ شەھەر رايونى بۇنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. مورۇماچى دەۋرىدە، قورۇقچى ئامبال ھەمدە سامورايلار بولغان قەلئە ئەتراپىدا بازارلار پەيدا بولغان. 1467-يىلى يېڭرىن توپىلىڭىدىن كېيىن، تاۋار ئىگىلىكى تەرەققىي قىلىپ، شەھەر بازارلىرى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەنگەن. ئىلگىرى قەلئەلەر دائىم تاغ ئۈستىدىكى خەتەرلىك جايلارغا سېلىنغاچقا، شەھەر بازارلىرىنىڭ كېڭىيىشى چەكلىك بولغان، بۇ چاغقا كەلگەندە قەلئەلەر خوجىلىق يەرلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركەزلىرىگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەچكە، سودا-سانائەتنى مەركەزلەشتۈرۈشكە قولايلىق بولغان ھەمدە ئەسكەر بىلەن دېھقانلار بۆلۈنۈپ چىققاچقا، سامورايلارنىڭ كۆپىنچىسى غوجىدارنىڭ تۇرالغۇسى ئەتراپىغا كۆچۈپ كېلىپ، ئىستېمال ئاشقان. يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، كۈچلۈك تۆرىلەرنىڭ شەھەر-بازارلىرىنىڭ ئاھالىسى 20 — 30 مىڭغا يەتكەن. ئودانوبۇناگا ئازۇچىچو شەھىرىنى، تويوتومى خىدىكىچى ئوساكا شەھىرىنى بەرپا قىلىپ، سودىگەرلەرنىڭ كۈچى بارغانسېرى ئۇلغايغان. ئېدۇ دەۋرىدە، توكۇگاۋا ئېياسۇ ئوتاغا كۆچۈپ كېلىپ ياساتقان ئېدۇ شەھىرى (سېپىل، خەندەكلىرى بولغان) پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزىگە ئايلىنىپ، ئاھالىسى بىر مىليونغا يەتكەن. كانازاۋ، ناگويا، سېنداي قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرىمۇ 100 مىڭ ئەتراپىدا بولغان. مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈشىدىن كېيىنكى يېقىنقى زامان شەھەرلىرى ئەنە شۇ شەھەر-بازارلىرى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ بارلىققا كەلگەن. 

شەھەر پۇقرالىرى ئۇيۇشمىسى

  • شەھەر پۇقرالىرى ئۇيۇشمىسى[يەشمىسى:] پراگا شەھەر پۇقرالىرى بىرلەشمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1846-يىلى چېخنىڭ پراگا شەھىرىدە قۇرۇلغان بۇرژۇئا سىياسىي تەشكىلاتى. بۇ تەشكىلات فېئودال-ئاقسۆڭەكلەر بىلەن مۇرەسسەلىشىشنى، ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتىنىڭ تىزگىنلىشىدىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى، ئاز-تولا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ياكى بىر ئىمپېرىيە ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1848-يىلى 3-ئايدا، پراگا خەلق قوزغىلىڭىنى مۇرەسسەچىلىك يولىغا باشلىغان. 6-ئايدا ئىنقىلابقا قارشى تۇرۇش مەيدانىغا ئۆتۈپ كەتكەن. 7-ئايدا ئاۋسترىيە ئىمپېرىيە پارلامېنتى سايلىمىدا، بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرىدىن پالاتسكىي قاتارلىق كىشىلەر پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 

شەھەر دۆلىتى

  • شەھەر دۆلىتى[يەشمىسى:] گرېكچە πσλιs سۆزىدىن كېلىپ چىققان، ئاھاڭ تەرجىمىسى «پولىس»، ئىنگلىزچە Polis، شەھەر دۆلىتى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە بىر شەھەرنى مەركەز قىلىپ، ئەتراپىدىكى يېزا-كەنت (يېزا جامائەسى) رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، بىرلىككە كەلگەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىنى شەكىللەندۈرگەن. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى دەۋردە مېسوپوتامىيە ۋادىسى (ھازىرقى ئىراق) نىڭ جەنۇبىدا دەسلەپكى قەدەمدە شەھەر دۆلەتلىرى، مەسىلەن: ئۇر، ئۇرۇك ۋە لاگاش قاتارلىقلار مەيدانغا كەلگەن. كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە باشقا قەدىمكى مەدەنىيەتلىك رايونلار (ئېگېي دېڭىز تەۋەسى، جەنۇبىي ئاسىيا) دىمۇ شەھەر دۆلەتلەر پەيدا بولغانلىقى مەلۇم. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا قەدىمكى يۇنان دۇنياسى ۋە ئىتالىيە قاتارلىق جايلاردىمۇ ئارقا-ئارقىدىن بىر تۈركۈم شەھەر دۆلەتلىرى مەيدانغا كەلگەن. تىپىك يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى ئادەتتە قۇلدارلارنىڭ ئاقسۆڭەك سىياسىتى ياكى دېموكراتىك (ئاددىي خەلق) سىياسىتىنى يولغا قويغان، سپارتا ۋە ئافىنا شەھەر دۆلەتلىرى ئاشۇ خىل سىياسەت يۈرگۈزۈشنىڭ ۋەكىللىك تىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەھەر دۆلەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تارىخىي ئورنى توغرىسىدا ھەر خىل قاراشلار بار. يەنى، شەھەر دۆلىتى قەدىمكى دەۋردە ھەرقايسى قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر جەزمەن بېسىپ ئۆتىدىغان باسقۇچ دەپ قارايدىغانلارمۇ؛ شەھەر دۆلەتلىرى ئاساسەن كلاسسىك دۇنيادا مەۋجۇت بولغان دەپ قارايدىغانلارمۇ؛ شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى قەدىمكى دەۋر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئوتتۇرا قەدىمكى ۋە يېقىنقى دەۋرلەردىمۇ بولغان دەپ قارايدىغانلارمۇ بار.

شەھەر كوممۇنىسى

  • شەھەر كوممۇنىسى[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئەسىردىكى غەربىي ياۋروپا شەھەرلىرىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىدىغان بىر خىل تىپى، غەربىي ياۋروپا شەھەرلىرى پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە خوجىدارلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان. شەھەر ئاھالىلىرى خوجىدارلارغا باج-سېلىق تاپشۇرغان ھەمدە ھاشارغا ئىشلىگەن. سودا-سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە شەھەر كۈچلىرىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاز ساندىكى شەھەرلەر پۇل خەجلەپ، كۆپ ساندىكى شەھەرلەر كۈرەش ئارقىلىق ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، شەھەر كوممۇنىسىنى قۇرغان. شەھەر كوممۇنىسىنىڭ سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن شەھەر پارلامېنتى ۋە باشقۇرغۇچى خادىملىرى بولغان، سوت ۋە قوراللىق كۈچى بولغان، سىرتقا قارىتا ئۇرۇش ئېلان قىلىش، سۈلھ تۈزۈش ھوقۇقى بولغان. ھاكىمىيەت ئاساسەن شەھەر ئاقسۆڭەكلىرى ۋە كەسەبە باشلىقلىرىنىڭ چاڭگىلىدا بولغان. شىمالىي ئىتالىيىدىكى بەزى شەھەرلەر (مەسىلەن، ۋېنېس، گېنويە ۋە فىرېنزې قاتارلىقلار) دە پەقەت شەھەرلەر ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى شەھەر ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، شەھەر جۇمھۇرىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. Ⅻ — Ⅸ ئەسىرلەردە پادىشاھلىق ھاكىمىيەت شەھەرلەرنىڭ ئاپتونومىيىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنى قوللاپ، يەرلىك خوجىدارلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن كېيىن پادىشاھلىق ھاكىمىيەت قۇدرەت تېپىش داۋامىدا ئاستا-ئاستا شەھەرلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى تارتىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن، شەھەر كوممۇنىسىمۇ بارا-بارا ئۆز ئورنىدىن مەھرۇم بولغان.

شتاتلار ئىتتىپاقى نىزامى

  • شتاتلار ئىتتىپاقى نىزامى[يەشمىسى:]ئەسلى ئەنگلىيىگە قارام بولغان شىمالىي ئامېرىكىدىكى 13 شتاتنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش توغرىسىدىكى نىزامى. 1777-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنى چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى ماقۇللىغان، 1781-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان. مەزمۇنى: شتاتلار ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەشكىللەپ (1781 — 1787-يىللىرى)، چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىنىڭ ئورنىدا مەمۇرىي ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش؛ پۇقرالار باراۋەرلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش؛ دۆلەتكە زۇڭتۇڭ قويماسلىق؛ ئەڭ ئالىي ھوقۇق پارلامېنتتا بولۇش، ئۇنىڭ ئەزالىرى شتاتلار كومىتېتى ئەۋەتكەن ئىككىدىن يەتتىگىچە ۋەكىلدىن تەركىب تېپىش، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىك ھەمدە بىرلا ۋاقىتتا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىمەسلىك؛ ھەرقايسى شتاتلار پارلامېنتتىكى ۋەكىللىرى ئىچىدىن بىر ئادەمنى سايلاپ چىقىش ئارقىلىق شتات كومىتېتىنى تەشكىللەپ، پارلامېنتنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش؛ شتاتلار پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، چەت ئەل بىلەن شەرتنامە تۈزمەسلىك، ئۇرۇش ئېلان قىلماسلىق، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك؛ شتاتلار يېڭىدىن تۇرغۇزۇلغان ئىمپورت بېجى نىزامىنى جەزمەن ئىجرا قىلىش؛ پارلامېنتنىڭ ئارمىيىنىڭ باش قوماندانىنى تەيىنلەش، پۇل قۇيدۇرۇش ھوقۇقى بولۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ھۆكۈمەت زور مەسىلىلەر ئۈستىدە ھەل قىلغۇچ بەلگىلىمىلەرنى چىقارغاندا، بۇ بەلگىلىمىلەر توققۇزدىن ئارتۇق شتاتنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىلا، كۈچكە ئىگە بولغان. ئۇ — بىر تۇتاش دۆلەت ھاكىمىيىتى بولۇپ بىرلىشىشنىڭ دەسلەپكى شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شتورمچىلار

  • شتورمچىلار[يەشمىسى:]Sturmabteilung) قىسقارتىلغان ئاتىلىشى S·A بولۇپ، «ئىلگىرىلەش ئەترىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەزالىرى قوڭۇر رەڭ كىتېل كىيگەنلىكتىن «قوڭۇر كىتېللىق ئەترەت» دەپمۇ ئاتالغان. 1921-يىلى گېرمانىيە ناتسىستلار پارتىيىسى قۇرغان فاشىستىك يېرىم ھەربىي تەشكىلات. دەسلىپىدە ئاساسەن، ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق سېلىش، باشقا پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ئاممىۋى يىغىنلىرىغا ئۈسۈپ كىرىش ۋە كوچىلاردا ئادەم ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1931-يىلى گىتلېر رومنى كاتتىباش قىلىپ تەيىنلىگەن، گىملېرنىڭ ئېسئېسچىلىرىمۇ شتورمچىلار ئەترىتىگە تەۋە بولغان. 1932-يىلى تەرەققىي قىلىپ 400 مىڭ كىشىگە يېتىپ، ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ئاق تېررورلۇق پەيدا قىلىش ۋە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىدا ئاساسلىق قورالى بولغان. 1933-يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، تەرەققىي قىلىپ، ئىككى مىليوندىن كۆپرەك كىشىگە يەتكەن. كېيىن روم باشچىلىقىدىكى شتورمچىلار ئەترىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇپ، ئاتالمىش «ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلاب»نى تەرغىپ قىلغاندا، گىتلېر 1934-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۇلارنى تازىلاپ چىقىرىۋەتكەن. ئېسئېسچىلار ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن. «روم ۋەقەسى» گە قارالسۇن.

شتۇتگارت قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى

  • شتۇتگارت قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى[يەشمىسى:] ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ گېرمانىيىنىڭ شتۇتگارت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 7-قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان مىلىتارىزمغا قارشى قارار. قۇرۇلتاي 1907-يىلى 8-ئايدا ئېچىلىپ، ئۇنىڭغا 25 دۆلەتنىڭ 800 دىن ئارتۇق ۋەكىلى قاتناشقان. ئۇ لېنىن تۇنجى قېتىم بولشېۋىكلار ۋەكىللەر ئۆمىكىگە باشچىلىق قىلىپ قاتناشقان ئىنتېرناتسىئونال يىغىنى ئىدى. قۇرۇلتايدا مىلىتارىزم ۋە خەلقئارا توقۇنۇش مەسىلىسى، مۇستەملىكىلەر مەسىلىسى ھەم پارتىيە بىلەن ئىتتىپاقنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىنغان. لېنىن سولچىلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ماركسىزم پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاغمىچىلار بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلغان. مىلىتارىزمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي تېمىنى مۇھاكىمە قىلغاندا، لېنىن مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدىكى قارار لايىھىسىنى تەييارلاش كومىتېتىغا قاتنىشىپ، ئاغمىچىلار ئوتتۇرىغا قويغان لايىھىنى ئۈزۈل-كېسىل ئىنكار قىلغان ھەمدە بىبىل يېزىپ چىققان مىلىتارىزمغا قارشى قارار لايىھىسىگە پرىنسىپ جەھەتتىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان. قاراردا پرولېتارىياتنىڭ ئۇرۇشتىكى جەڭگىۋار ۋەزىپىسى ئېنىق بەلگىلىنىپ، «ياشلار ئارىسىدا سەپەرۋەر قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەش لازىم؛ ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان كرىزىستىن پايدىلىنىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ گۇمران بولۇشىنى تېزلەشتۈرۈش لازىم؛ كۈرەش ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇقەررەر ھالدا سىنىپىي كۈرەشنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى ۋە سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم» دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇ پرولېتارىياتنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم تاكتىكىلىق ھۈججەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شىڭشۈەن تائىبون

  • شىڭشۈەن تائىبون[يەشمىسى:]1820 — 1898) چاۋشيەن پادىشاھى كوجوڭ لى شىنىڭ دادىسى. ئىسمى لى شىيىڭ. 1843-يىلى شىڭشۈەنلىككە تەيىنلەنگەن. 1863-يىلى كوجوڭ تەختكە چىقىپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تائىبۇنلىققا تەيىنلەنگەن ھەمدە نايىبلىق قىلىشقا باشلىغان تائىبون نايىبلىق قىلغان مەزگىلىدە مەملىكەت ئىچىدە، بانو مىنفېي گۇرۇھى بىلەن قارىمۇقارشى بولۇپ، سىرت بىلەن ئالاقە قىلماسلىق سىياسىتىنى يولغا قويغان. 1874-يىلى كوجوڭ بىۋاسىتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ، خانىش مىن گۇرۇھىدىكىلەر ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان. 1882-يىلى رېنۋو ھەربىي ئۆزگىرىشى مەزگىلىدە بىر مەھەل ھاكىمىيەتنى قايتا ئىگىلىگەن، ئارقىدىنلا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى كىچىك مىننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۇنى قولغا ئېلىپ تيەنجىن باۋدىڭ مەھكىمىسىگە يالاپ كېلىپ تۆت يى-ل نەزەربەند قىلغان. 1895-يىلى 10-ئايدا ئۇ روسىيە كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى غەنىيمەت بىلىپ، ياپونىيە قوشۇنىنىڭ پادىشاھ ئوردىسىنى ئوققا تۇتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ، روسىيەپەرەس بانو مىنفېينى ئۆلتۈرگەن. ئىككىنچى يىلى رۇسپەرەستلەر باش كۆتۈرگەندە مەغلۇپ بولغان.

شلېمان

  • شلېمان[يەشمىسى:]Heinrich Schliemann، 1822 — 1890)، گېرمانىيىلىك ئارخېئولوگ، مىتسېنې مەدەنىيىتىنى تاپقۇچى. سودىگەر. پوپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. گومېر داستانىنىڭ چىنلىقىغا ئىشىنىپ، ترويا خارابىسىنى تېپىش ئىرادىسىنى تىكلىگەن. 1864 — 1865-يىللاردا ھىندىستان، جۇڭگو، ياپونىيە، ئامېرىكا قاتارلىق جايلارغا ساياھەت قىلغان. 1866-يىلىدىن باشلاپ قەدىمكى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. 1870-يىلى كىچىك ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ھىسسارلىك (Hissarlik) دۆڭلۈكىنى سىناق تەرىقىسىدە قېزىپ تەكشۈرگەن، 1871 — 1882-يىللاردا ئۈچ قېتىم قېزىپ، ئۇنىڭ قەدىمكى ترويا شەھىرى ئىكەنلىكىنى تاپقان ۋە كۆپ مىقداردا ئالتۇن نىقاب، ئالتۇن زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرى، مىس قىلىچ-خەنجەرلەر، پىل چىشى ئويمىلىرى، ساپال قاچىلار قاتارلىق مەدەنىي يادىكارلىقلارغا ئىگە بولغان. ئۇ ترويادا تاپقان قەدىمكى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى گېرمانىيىگە تەقدىم قىلىپ، بېرلىن شەھىرىنىڭ پەخرىي ئاھالىسى دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، گرېتسىيىدىكى مىتسېنې(1876-يىلى)، ئورخومېنوس (1880-يىلى)، تىرىنىس (1884 — 1885-يىلى) قاتارلىق قەدىمكى زامان خارابىلىرىنى تېپىپ، بىرقەدەر زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ «مىتسېنې»، «ترويا»، «تىرىنىس» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

شمازۇ خىسامىتسۇ

  • شمازۇ خىسامىتسۇ[يەشمىسى:]1817 — 1887) ياپونىيە توكۇگاۋا شوگونلۇقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۆتكەن ساتسۇما ۋاسساللىقىنىڭ بېگى شمازۇ نارىئوكىنىڭ ئوغلى، شمازۇ نارىياكىرانىڭ ئانا باشقا ئىنىسى. نارىئوكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئاكىسى نارىياكرا بىلەن ئاتىسىنىڭ ئەمىلىگە ۋارىسلىق قىلىشنى تالاشقان. ئوتتۇرانچى ئاقسال ئابېئى ماساھىرو قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئارىلىشىشى تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولغان. نارىياكىرا ئۆلگەندىن كېيىن، خىسامىتسۇنىڭ چوڭ ئوغلى مۇكۇ (تارا يوشى) ئەمەلگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەمەلىي ھوقۇقنى ئىگىلىگەن. 1862-يىلى ۋاسسال ئەسكەرلىرىنى باشلاپ كيوتوغا كىرىپ، تېرادا ئوكۇ ۋەقەسىنى پىلانلاپ، پادىشاھنى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش تەرەپدارلىرىنى باستۇرغان ھەمدە ئوخاراشىگېتوكۇنى ئەۋەتىپ، شوگناتنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولغان.1863-يىلى 18-ئاۋغۇست سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، تېننو تاكائاكىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەنە بىر قېتىم كىيوتوغا كىرىپ، ئىچىخاشى يۇشىنوبۇ، ماتسۇدائىدا ئىسنوبۇ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئوردا ۋە شوگۇن ھۆكۈمىتى ئىشلىرىغا قاتناشقان. كىنمون ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، ئوردا بىلەن شوگناتنى بىرلەشتۈرۈش تەرەپدارلىرى ئىچىدىكى ئاساسلىق ئەرباپقا ئايلانغان. پادىشاھ ھاكىمىيىتى تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىستېپا بېرىپ كاگوشما ئارىلىغا كەتكەن. 1874-يىلى يېڭى ھۆكۈمەتكە قاتنىشىپ سول قول ۋەزىر بولغان. 1876-يىلى مەنسىپىدىن ئىستېپا بېرىپ يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن. 

شمالكالدېن ئۇرۇشى

  • شمالكالدېن ئۇرۇشى[يەشمىسى:]مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى چارلېسⅤ بىلەن شمالكالدېن ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش. 1546-يىلى چارلېس Ⅴ ئىسپانىيە ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئىتالىيە ئارقىلىق گېرمانىيىگە كىرىپ، شمالكالدېن ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق، بولۇپمۇ ساكسونىيە كىنەزى مورېسنىڭ ئاسىيلىق قىلىپ ئۆز سېپىگە قارشى چىققانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەرنى بىر-بىرلەپ مەغلۇپ قىلغان؛ ئالدى بىلەن جەنۇبىي گېرمانىيىنىڭ پروتېستانت دىنىدىكى كىنەزلىكلىرى ۋە شەھەرلىرىنى بويسۇندۇرغان، ئارقىدىن ۋېتتىنبېرگنى تەسلىم قىلىپ، ئاخىرى ھېسسېننى باش ئەگدۈرگەن. 1548-يىلى، كاتولىك دىنى مۇخلىسلىرى بىلەن پروتېستانت دىنى مۇخلىسلىرى «ئاۋگۇسبورگ كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، كاتولىك دىنىنىڭ دىنىي ئىسلاھاتتىن بۇرۇنقى بەھرىمەن بولۇپ كەلگەن ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغان. ئۇزاق ئۆتمەي، پروتېستانت دىنىدىكى كىنەزلىكلەر بىر قىسىم كاتولىك دىنىدىكى كىنەزلىكلەر بىلەن بىرلەشكەن ھەمدە فرانسىيە پادىشاھى ھېنرىⅡ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، 1552-يىلى چارلېس Ⅴ نى مەغلۇپ قىلغان (بەزىدە ئىككىنچى قېتىملىق شمالكالدېن ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ). 1555-يىلى چارلېسⅤ نائىلاج پروتېستانت دىنىدىكى كىنەزلىكلەر بىلەن «ئاۋگۇسبورگ دىنىي ئەھدىنامىسى» نى تۈزگەن.

شمونوسېكى ۋەقەسى

  • شمونوسېكى ۋەقەسى[يەشمىسى:]ياپونىيە توكۇگاۋا شوگناتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، گوللاندىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەتنىڭ بىرلەشمە پاراخوت ئەترىتىنىڭ ناگاسۇ ۋاسساللىقىنىڭ شمونوسېكى پوتىيىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسى، 1863-يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، ناگاسۇ ۋاسساللىقى ئوردىنىڭ چەت ئەللىكلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىغا بىنائەن، شمونوسېكى بوغۇزىدا قاتناۋاتقان چەت ئەل پاراخوتلىرىنى توپقا تۇتقان. ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا ۋە گوللاندىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى مەھكىمىنىڭ ناگاسۇ ۋاسساللىقىنى جازالىشىنى ھەمدە زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق مەھكىمىنىڭ ئۇ تەلەپنى ئورۇنداشقا مادارى يەتمەيتتى.ئىككىنچى يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى تۆت دۆلەتنىڭ بىرلەشمە پاراخوت ئەترىتى يوكوخامادىن چىقىپ، 9-ئاينىڭ 2-كۈنى فېڭخۇجى ئارىلىغا بېرىپ توپلاشقان، 9-ئاينىڭ 5-كۈنى شمونوسېكى بوغۇزىنىڭ ساھىلىدىكى ھەرقايسى پوتەيلەرنى توپقا تۇتقان. ناگاسۇ ۋاسساللىقىدىكى ئەسكەرلەر قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن، ئۈچ كۈندىن كېيىن ھەرقايسى پوتەيلەر ئىشغال قىلىنغان. 8-كۈنى ناگاسۇ ۋاسساللىقى سۈلھ تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان، 14-كۈنى سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالانغان. ناگاسۇ ۋاسساللىقى چەت ئەل كېمىلىرىنىڭ دېڭىز بوغۇزىدا ئەركىن قاتنىشىغا رۇخسەت قىلىشقا، ۋەيران قىلىنغان پوتەيلەرنى رېمونت قىلماسلىققا ۋە يېڭىدىن پوتەي سالماسلىققا كېلىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ناگاسۇ ۋاسساللىقى غەربچە قورالنىڭ كۈچىنى ئوبدان بىلىپ، چەت ئەللىكلەرنى قارىغۇلارچە چەتكە قاقىدىغان لۇشيەندىن ۋاز كېچىپ، ئەنگلىيە بىلەن پەيدىنپەي قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان.

شوپېنخائۇئېر

  • شوپېنخائۇئېر[يەشمىسى:]Artur Schopenhauer، 1788 — 1860) گېرمانىيىلىك ئىدېئالىست پەيلاسوپ، ۋوليۇنتارىست. ياش ۋاقتىدا ئاتىسى بىلەن بىللە گامبۇرگتا سودىگەرچىلىك قىلغان. 1809-يىلى گيوتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ خىمىيە ئۆگەنگەن. كېيىن بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا فىختې قاتارلىق كىشىلەرنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان؛1813-يىلى يېنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ كانتنىڭ ئەزەلىلىك ئىدېئالىزم نۇقتىئىنەزەرىنى قوبۇل قىلىپ، ھادىسە ئىرادىدىن ئىبارەت دەپ قارىغان، لېكىن «ئۆزىدىكى نەرسە»، «ئىرادە» دىن ئىبارەت دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. بارلىق كىشىلەر شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلەيدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان «ھاياتىي ئىرادە» سىنى رېئال دۇنيادا قانائەتلەندۈرگىلى بولمايدۇ، شۇڭا كىشىلىك تۇرمۇشى ئازاب-ئوقۇبەت بىلەن تولغان بولىدۇ، دېگەننى تەكىتلىگەن. ھىندىستان ۋېدانتا مەزھىپى بىلەن بۇددا ئەقىدىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئۆزى» دىن ئۈمىدنى ئۈزۈپ، «ھاياتىي ئىرادە» نى ئىنكار قىلغاندىلا ئازاب -ئوقۇبەتتىن قۇتۇلۇشقا ئېرىشىپ «نېرۋانا» ھالەتكە يېتەلەيدۇ، دەپ قارىغان. سەنئەت جەھەتتە رېئالىزمچىلارغا قارشى تۇرغان. «دۇنيا ئىرادە ۋە تەسەۋۋۇردۇر» دېگەن ئەسىرى بار.

شوپىن

  • شوپىن[يەشمىسى:] Frydeyk FranCiszek Chopin، 1810 — 1849) پولەك كومپوزىتورى، پىئانىستى. ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىلا پولشا خەلق مۇزىكىسى بىلەن ئۇچراشقان. 1826 — 1829-يىللىرى ۋارشاۋا مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1830-يىلى ۋەتىنىدىن ئايرىلغان. 1831-يىلىدىكى ۋارشاۋا قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن پارىژغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئىجادىيەت، ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە كۆپىنچە يۇقىرى تەبىقە سالونلىرىدا مۇزىكا چالغان. بۇ مەزگىلدە پارىژدا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان مىسكېۋىز لىست، گېنې ۋە گېئورگىي سان قاتارلىقلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىپ تۇرغان. بىر ئۆمۈر چارروسىيىنىڭ پولشاغا سالغان مىللىي زۇلۇمى ۋە قۇل قىلىشىغا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ كەلگەن. بىرمۇنچە ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان ئانا ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىشى ۋە مىللىي مۇستەقىللىككە بولغان تەشنالىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. كېيىنكى مەزگىلدە ئىدىيىسىدە بەزى پاسسىپلىق كۆرۈلگەن. ئۇ، مازوركا، بولونىس قاتارلىق خەلق ئارىسىدىكى تانسا مۇزىكىسى ئۇسلۇبىدىن پايدىلانغان ھەمدە ئۇنىڭغا يېڭى مەزمۇن قوشقان. مۇزىكا ئىجادىيىتىدە باللادا ئۇسلۇبىنى قوللانغان. باشلىنىش مۇزىكىسى، يومورېستكا مۇزىكىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ مۇستەقىل پىئانىنو مۇزىكىلىرىغا ئايلاندۇرغان. ئېتودىنىڭ تېخنىكىلىقى بىلەن بەدىئىيلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ زىچ بىرلەشتۈرگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىنىشى بىلەن پىئانىنودا ئورۇندىغان ئىككى مۇزىكىسى، پىئانىنو بىلەن ئورۇندىغان ئۈچ سوناتاسى ۋە مازوركا، بولونىس، ۋالىس، ئېتود، باشلىنىش مۇزىكىسى، نوكتيۇن، ئىلھام كۈيى، يۇمۇرىسكا ۋە باللادا قاتارلىق نۇرغۇنلىغان پىئانىنو بىلەن ئورۇندىلىدىغان يالغۇز كىشىلىك مۇزىكىلىرى ۋە ناخشىلىرى بار بولۇپ، «پىئانىنو شائىرى» دەپ داڭق چىققان.

شوتوراك

  • شوتوراك[يەشمىسى:]Shotorak) مىلادى Ⅶ — Ⅴ ئەسىرلەردىكى بۇددىزم ئىبادەتخانىسى خارابىلىقى. بۇ، ئافغانىستاننىڭ كابول شەھىرىنىڭ شىمالىغا 60 كىلومېتر كېلىدىغان باغرام (Bagram) نىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئېدىرلىقنىڭ شىمالىي باغرىغا جايلاشقان. 1937-يىلى قېزىلغان، ئاساسىي مۇنارى بار. شەرققە قارىتىلىپ سېلىنغان مۇنار قورۇسى، شەرقىي قورۇ ۋە غەربىي قورۇدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن، ئاساسىي مۇنار بار F رايونىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى تېمىدا قەدىمكى يۇنان ئۇسلۇبىدىكى تۈۋرۈكلىرى بار. شەرقىي قىسمىدىكى D رايونىدا بىرقانچە ھەدىيە مۇنارلىرى بولۇپ، ئەڭ شەرقىدىكى توسما تېمىدا يۇمىلاق شەكىللىك قورغان بار. مۇنار قورۇسىنىڭ جەنۇبى راھىبلار ھۇجرىسى. پۈتكۈل قۇرۇلۇش رەتسىز بولۇپ، گاندىرا، خاتتا (خادا) بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، بىراق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇتلىرى گاندىرا شەكلىدە بولۇپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە. 

شوسىيىدىدېس

  • شوسىيىدىدېس[يەشمىسى:]Thoukydidis ياكى Thucydides، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 480 — 400) قەدىمكى يۇنان تارىخچىسى. ئافىنادا تۇغۇلغان، كېلىپ چىقىشى ئاقسۆڭەك. تراكىيىدىكى ئالتۇن كان ئىگىسى. مىلادىدىن 431 يىل ئىلگىرى، پېلوپوننېس ئۇرۇشى پارتلىغاندا ئارمىيىگە قاتناشقان. مىلادىدىن 424 يىل ئىلگىرى، ئافىنانىڭ گېنېرالى بولغان. شۇ يىلى تراكىيە فلوتىغا قوماندانلىق قىلغان، ئامپىپولىس شەھىرىگە ۋاقتىدا ياردەم قىلالمىغانلىقى سەۋەبىدىن سۈرگۈن قىلىنغان. 20 يىلدىن كېيىن (مىلادىدىن 404 يىل ئىلگىرى) ئافىناغا قايتىپ كەلگەن. 30 يىلدىن ئوشۇقراق ۋاقىت ماتېرىيال توپلاپ، سەككىز توملۇق «پېلوپوننېس ئۇرۇشى تارىخى» نى يېزىپ چىققان. مەزمۇنى ئۇرۇشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، سەۋەبى ۋە جەريانى (مىلادىدىن 400 يىل ئىلگىرى) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ راتسىئونالىزملىق روھ بويىچە تارىخقا مۇئامىلە قىلىپ، تەقدىرچىلىك كۆز قارىشىدىن تىرىشىپ ۋاز كەچكەن ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ تارىخقا بولغان تەسىرى ھەمدە ۋەقەلەرنىڭ سەۋەب-نەتىجىلىك مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بەرگەن. ماتېرىيالى تەپسىلىي ۋە ئېنىق بولۇپ، قەدىمكى يۇنان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

شوگناتنىڭ ناگاسا ۋاسساللىقىنى جازالاش ئۇرۇشى

  • شوگناتنىڭ ناگاسا ۋاسساللىقىنى جازالاش ئۇرۇشى[يەشمىسى:]ياپونىيە توكوگاۋا شوگونلۇقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ناگاسا ۋاسساللىقىغا قارشى ئۇرۇش. جەمئىي ئىككى قېتىم يۈز بەرگەن: (1) ئوردا دەرۋازىسىدىكى ۋەقەدىن كېيىن، 1864-يىلى 8-ئايدا، شوگنات غەربىي قىسىمدىكى ۋاسساللىقلارغا ناگاسا ۋاسساللىقىغا جازا يۈرۈشى قىلىشنى بۇيرۇغان. 9-ئاينىڭ بېشىدا ناگاسا ۋاسسالى ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە، گوللاندىيە تۆت دۆلەت پاراخوتلىرىنىڭ توپقا تۇتۇشىغا ئۇچراپ ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە قىينىلىپ، مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان. ۋاسساللىق ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىگەن كونسېرۋاتىپلار شوگناتقا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئوردا دەرۋازىسىدىكى ۋەقەنىڭ ئاساسىي جاۋابكارى ئاقساقال ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا مەجبۇر بولغان. شوگنات ئىككىنچى يىلنىڭ بېشىدا ناگاسا ۋاسساللىقىنى جازالاشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. (2) 1864-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1865-يىلىنىڭ بېشىغىچە، ناگاسا ۋاسساللىقىدىكى تاكاسۇكى قاتارلىقلار شموزېكىدا ئەسكەر تارتىپ كونسېرۋاتىپلارنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ۋاسسال ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋالغان ھەمدە ھەربىي، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، بارگاھقا قارشى ئۇرۇش قىلىش تۈزۈلمىسىنى تەييارلىغان. 1865-يىلى ئەتىيازدا شوگنات ئىككىنچى قېتىملىق ناگاساغا جازا يۈرۈشى قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. 1866-يىلى 3-ئايدا ناگاسا ۋاسسالى سامو ۋاسسالى بىلەن شوگناتقا قارشى جازا ئۇرۇشى قىلىش ھەققىدە مەخپىي شەرتنامە تۈزگەن. شۇ يىلى 7-ئايدا شوگنات ئىككىنچى قېتىملىق ناگاساغا جازا يۈرۈشى قىلىش ئۇرۇشىنى رەسمىي قوزغىغان. ئەمما سامو باشچىلىقىدىكى نۇرغۇن بەگلەر ئۇرۇش قىلىشقا ياردەملىشىشنى رەت قىلغان، ئەسكەر چىقارغان ئاز ساندىكى بەگلەر ئۇرۇشتا كۈچ چىقارمىغان. بارگاھقا قاراشلىق جايلاردىكى دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى جۇش ئۇرۇپ ئەۋج ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بارگاھ قوشۇنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. 8-ئايدا سىياگۇن توكوگاۋا ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كەتكەن، 10-ئايدا شوگنات قوشۇنىنى چېكىندۈرۈپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن شوگنات قايتا ئەسلىگە كېلەلمىگەن.

شوگنات ھاكىمىيىتى

  • شوگنات ھاكىمىيىتى[يەشمىسى:]سامورايلىق ھاكىمىيەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياپونىيىنىڭ فېئوداللىق دەۋرىدىكى بىر خىل ھەربىي ئىستىبداتلىق سىياسىي فورماتسىيىسى. بۇ ھەربىي ئىستىبدات «چەت ئەلگە قارىتا جازا يۈرۈشى قىلغۇچى چوڭ سىياگۇن» دەپ، ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق جايى («شوگنات»، سىياگۇن يۈرۈشكە چىققان چاغدا تۇرىدىغان قارارگاھ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) دەپ ئاتالغان. شوگنات دەۋرىدە ئوردىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى پۈتۈنلەي شوگناتقا تەۋە بولۇپ، تېننو قورچاققا ئايلىنىپ قالغان. بۇ تۈزۈم 1192-يىلى كاماكۇرا شوگونلوقى قۇرۇلغان چاغدىن باشلىنىپ، تاكى 1867-يىلى ئىدۇ شوگونلۇقىدىن توكۇگاۋا ھوقۇقنى تېننوغا قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغانغا قەدەر داۋاملاشقان. ئىككىنچى يىلى مىلى يېڭىلىقى بولغان. بۇ جەرياندا كاماراكۇرا شوگۇنلۇقى (1192 — 1333)، مۇروماچى شوگۇنلۇقى(1338 — 1573) ۋە ئىدو شوگۇنلۇقى (1603 — 1867) بولۇپ ئۆتكەن.

شولوخوۋ

  • شولوخوۋ[يەشمىسى:]Михаил Александрович Шолохов 1905 — 1984) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق يازغۇچى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتى پراۋلېنىيىسىنىڭ سېكرىتارى. ۋشنسكايا بازىرىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ موسكۋا، بوگۇچار ۋە ۋشنسكايا قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. گراژدانلار ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ئېشىنچە ئاشلىق يىغىش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. كېيىن ستاتىستىكىچى، قاچىلاش-چۈشۈرۈش ئىشچىسى، بوغالتىر ۋە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1923-يىلىدىن باشلاپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان.1924-يىلى روسىيە پرولېتارىيات يازغۇچىلىرى جەمئىيىتى («A. P. R») نىڭ ئەزاسى بولغان. 1931-يىلدىن باشلاپ بۇ جەمئىيەتنىڭ ئورگان ژۇرنىلى «ئۆكتەبر» ژۇرنىلىدا تەھرىر ھەيئىتى بولۇپ ئىشلىگەن. 1932-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىگە كىرگەن. 1934-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان.1937-يىلدىن تارتىپ ئۇدا 1-، 10-نۆۋەتلىك سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتىنىڭ دىپۇتاتى بولۇپ سايلانغان. 1939-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، 1961-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1965-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ: «تىنچ دون»، «ئېچىلغان تىڭ»، «دون دەرياسى ھەققىدە ھېكايە»، «بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى» ناملىق ئەسەرلىرى ۋە سىياسىي ماقالىلىرى توپلىمى «قەلبىمدىكى روسىيە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

شومېت

  • شومېت[يەشمىسى:]Pierre Gaspard Chaumette 1763 — 1794) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي دەۋرىدىكى ياكوبىنچىلارنىڭ سولقانات داھىيسى. موزدۇز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. پراكتكانت ماتروس بولغان. كېيىن تىبابەتچىلىكنى ئۆگەنگەن. 1789-يىلى بۈيۈك ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، كوردېلېر(Cordelier) كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1792-يىلى 10-ئايدىن 1794-يىلى 4-ئايغىچە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ تەپتىش باشلىقى بولغان. ئاددىي پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، رادىكال يەر پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دۆلەتنىڭ زاۋۇت خوجايىنلىرىنىڭ قولىدىكى قول سانائەت ئىشخانىلىرىنى تارتىۋېلىشنى، ئەڭ يۇقىرى باھا چېكى پەرمانىغا بويسۇنمىغان سودا ماگىزىنلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشنى تەكلىپ قىلغان. ئىدراك ئېتىقادچىلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، كاتولىك چېركاۋلىرىغا قارشى چىققان. مائارىپ ۋە جامائەت سەھىيە ئىشلىرىغا ئائىت دېموكراتىك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەڭ تەقسىماتچىلىق تەشەببۇسلىرىنى پائال تەشۋىق قىلغان. ياكوبىن دىكتاتۇرىسى مەزگىلىدە، 1794-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن.

شوۋىنىزم

  • شوۋىنىزم[يەشمىسى:] فرانسىيىدە بارلىققا كەلگەن سىياسىي ئاتالغۇ بولۇپ، ناپولېئوننىڭ قول ئاستىدىكى شوۋىن دېگەن ئەسكەرنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن. ئېيتىشلارغا ئاساسلانغاندا، بىرىنچى جۇمھۇرىيەت ۋە بىرىنچى ئىمپېرىيە دەۋرىدە ئۆتكەن ئەسكەر نىكولاس شوۋىن (Nicolas Chauvin) ناپولېئونغا بەكمۇ چوقۇنىدىكەن، گەرچە يارىلىنىپ مېيىپ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ناپولېئوننىڭ ئۇرۇش تۆھپىسىنى دائىم ماختاپ يۈرىدىكەن ھەمدە ئۆزىگە بېرىلگەن ھەربىي خىزمەت ئوردېنى ۋە ئازغىنا ھەربىي تەمىناتتىن مەمنۇن بولۇپ ئالچاڭلاپ يۈرىدىكەن. ئۇ ⅪⅩ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى بەزى ھەجۋىي كومېدىيە (مەسىلەن: «دېھقان ئەسكەر»، «ئۈچ خىل رەڭلىك كاكار» قاتارلىقلار) دىكى قەھرىمانغا ئايلانغان. شوۋىنىزم (Chauvinisme) دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ئاخبارات ۋە سىياسىي ساھەدىكىلەر قوبۇل قىلغان بولۇپ، مەنىسى ئۇچىغا چىققان مىللەتچىلىك ۋە ئۇرۇشخۇمارلىق كەيپىياتىنى كۆرسىتىدۇ. ⅪⅩ ئەسىردە ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان مىللىي ئۇرۇش ۋە جاھانگىرلىكنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرى شوۋىنىزملىق كەيپىياتىنى ئۆسۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.

شۇبېرت

  • شۇبېرت[يەشمىسى:]Franz Peter Schubert، 1797 — 1828). ئاۋسترىيىلىك كومپوزىتور. ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سەككىز يېشىدا ئۇستازىدىن ئىسكىرىپكا چېلىشنى ئۆگەنگەن. كېيىن چېركاۋنىڭ مەرسىيە ئېيتىش سىنىپىغا كىرگەن. 11 يېشىدا ۋېنا پادىشاھ ئوردىسى ئومۇمىي خور ئۆمىكىگە كىرىپ ناخشىچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇزىكا مەكتىپىدە ئوقۇپ، مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئەترىتىگە كىرىپ تۇنجى كىچىك ئىسكىرىپكىچى بولغان ھەمدە ئۇستازى ئىتالىيىلىك مۇزىكانت سالىئېرى (Antonio Salieri، 1750 — 1825) دىن نەزەرىيە ئۆگەنگەن. 1813-يىلى مۇزىكا ئەترىتىدىن ئايرىلىپ، سىفەن مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇغان. 1815-يىلى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1818-يىلى ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولغان. كۆپ ھاللاردا تۇراقلىق كەسپى يوق بولۇپ، نامرات ياشىغان. ئەسەرلىرىدىن ناخشىلار ئەڭ ئاتاقلىق بولۇپ، جەمئىي 600 كۇپلېتتىن ئاشقان ۋە «ناخشا پادىشاھى» دەپ نام ئالغان. ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرى «يالماۋۇز»، «ياۋا قىزىلگۈل»، «باھار ئەقىدىسى»، «سەرگەردان» ۋە «گۈزەل تۈگمەنچى قىز»، «قىشتىكى سەپەر» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇ يازغان 10 سىمفونىيە (ئۇنىڭ 9-سى يوقالغان) ئىچىدە «b مىنورلۇق سىمفونىيىسى»(يەنى «تۈگىمىگەن سىمفونىيە») ۋە «C ماژورلۇق سىمفونىيىسى» ئەڭ داڭلىق. يەنە ئۆي مۇزىكىسى، نەيلىك-تارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن ئورۇندالغان مۇقەددىمە ۋە رويال مۇزىكىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئىجاد قىلغان.

شۇتسبۇند

  • شۇتسبۇند[يەشمىسى:] گېرمانچە Schutzbund نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. مەنىسى «قوغداش ئىتتىپاقى»، تولۇق نامى «جۇمھۇرىيەتچىلىكنى قوغداش ئىتتىپاقى». ئاۋسترىيە سوتسىيال-دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ قوراللىق تەشكىلاتى. 1923-يىلى ئىشچىلار ئاممىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئەكسىيەتچىلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى 1934-يىلى 2-ئايدىكى فاشىستلارغا قارشى قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتناشقان؛ ئەمما سوتسىيال-دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭ قانات رەھبەرلىرى ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن، قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان.

شوتلاندىيە قوزغىلىڭى

  • شوتلاندىيە قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]1637 — 1640-يىللىرى شوتلاندلارنىڭ ئەنگلىيە كورۇلى چارلېسⅠ نىڭ مۇستەبت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلىڭى. 1603-يىلى شوتلاندىيە كورۇلى جامېس Ⅵ قوشۇمچە ئەنگلىيىنىڭ كورۇلى بولغاندىن كېيىن، گەرچە ئىككى دۆلەتنىڭ كورۇلى بىر بولسىمۇ، لېكىن شوتلاندىيە ئىچكى سىياسەت ۋە دىنى جەھەتتە ئۆزىنىڭ مۇئەييەن مۇستەقىللىكىنى ساقلاپ قالغان. 1637-يىلى چارلېسنىڭ مۇددىئاسى بويىچە كېنتبېرىنىڭ ئارخېئېپىسكوپى لۇد (Laud، 1573 — 1645) شوتلاندىيە چېركاۋىنى (پروسۇتېرىئاللىق) ئەنگلىيە دۆلەت دىنىنىڭ ئېپىسكوپلۇق تۈزۈمى، ئىبادەت رەسىم-قائىدىلىرى بويىچە دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاپ، قوزغىلاڭنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان، چارلېس باستۇرۇشقا قوشۇن ئەۋەتىپ مەغلۇپ بولغان. 1639-يىلى شوتلاندلار ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى تارمار قىلغان. چارلېس ئۇرۇش خىراجىتى توپلاش، يېڭى ئارمىيە تەشكىللەش ئۈچۈن 1640-يىلى 4-ئايدا پارلامېنت (قىسقا مۇددەتلىك پارلامېنت) چاقىرماقچى بولۇپ، مۇددىئاسىغا يېتەلمەي 5-ئايدا پارلامېنتنى تارقىتىۋەتكەن. شۇ يىلى 8-ئايدا شوتلاندلار يەنە ھۇجۇم قوزغىغان. چارلېس ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن يەنە بىر نۆۋەت پارلامېنت (ئۇزاق مۇددەتلىك پارلامېنت) چاقىرغان. بۇرژۇئازىيە بىلەن يېڭى ئاقسۆڭەكلەر پارلامېنتتىن پايدىلىنىپ، مۇستەبىتچىلىككە قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ⅩⅦ ئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاپ بەرگەن.

شۇتۋېل

  • شۇتۋېل[يەشمىسى:]James Thomson Shot Well، 1874 — 1965) ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس. كانادادا تۇغۇلغان. تورونتو داشۆسىدە ئوقۇغان. 1903-يىلى كولومبىيە داشۆسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ۋە مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1908 — 1942-يىللىرى پروفېسسور بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن خەلقئارا سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1918 — 1919-يىللىرىدىكى پارىژ تىنچلىق يىغىنى قاتارلىق مۇھىم خەلقئارا يىغىنلارغا قاتنىشىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئەقىل كۆرسەتكۈچى» دەپ ئاتالغان. 1932 — 1943-يىللىرى خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ھەمكارلىقى ئامېرىكا كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1935-يىلى خەلقئارا ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1939-يىلى تىنچلىق تەشكىلاتى تەتقىقات كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇزۇنغىچە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، «ئەركىنلىك ئەنئەنىسى»، «چوڭقۇرلۇقنىڭ چېتى»، «گېرمانىيە نېمىلەرنى ئۇنتۇدى» ۋە «ئۇلۇغ تاللاش» قاتارلىق كىتابلارنى يازغان. «تارىخشۇناسلىق تارىخى» ناملىق كىتابى ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىنتايىن ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. «ئەنگلىيە ئېنسكلوپېدىيىسى» نىڭ 11-قېتىملىق نەشرىنىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىرلىكىنى، «دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تارىخى مەجمۇئەسى» نىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان.

شۇتېم (Chamille Chautemp

  • شۇتېم (Chamille Chautemp[يەشمىسى:]، 1885 — 1963) فرانسىيە زۇڭلىسى (1930، 1933 — 1934، 1937 — 1938). فرانسىيە رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسى داھىيلىرىنىڭ بىرى. پارىژدا تۇغۇلغان. دەسلەپتە ئادۋوكات بولغان. 1919-يىلدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولغان، 1934-يىلدىن باشلاپ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى (1924، 1925 — 1926، 1930، 1932 — 1934)، ئەدلىيە مىنىستىرى (1925)، دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى (1936 — 1937) ۋە مۇئاۋىن زۇڭلى (1938 — 1940) بولغان. 1937-يىلى خەلق سېپى نامىدىن كابىنېت تەشكىللىگەن، لېكىن خەلق سېپىنىڭ پروگراممىسىنى ئىجرا قىلمىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فاشىست گېرمانىيىسىگە تەسلىم بولۇشقا قوشۇلغان. ھەمدە ۋىشى ھۆكۈمىتىگە قاتناشقان.1940-يىلى ئامېرىكىغا ئەلچى بولۇپ بارغان. 1947-يىلى سىرتتىن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، پۇقرالىق ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلىنغان. ۋاشىنگتوندا ئۆلگەن.

شۇشنىگ

  • شۇشنىگ[يەشمىسى:]Kurt Von Schuschnigg، 1897 — 1977). ئاۋسترىيە زۇڭلىسى (1934 — 1938)، خرىستىئان سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان.1932—1934-يىللاردا ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان. 1933 — 1934-يىللاردا مائارىپ مىنىستىرلىكىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. زۇڭلى بولغان مەزگىلدە، دىپلوماتىيىدە ئىتالىيىگە مايىل سىياسەت قوللىنىپ، ئىتالىيىنىڭ ئېفىئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلىشىنى قوللىغان.1936-يىلى 7-ئايدا گىتلېر بىلەن «گېرمانىيە-ئاۋسترىيە كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، فان گېرمانچىلىق پروگراممىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئاۋسترىيە-گېرمان دۆلىتى دەپ ئېتىراپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچىدە مىللىي سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قارشى تەشۋىقاتنى بېسىپ، مىللىي سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىنى ئومۇمىي كەچۈرۈم قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنى تارقىتىۋېتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى فاشىست كۈچلىرىنى ئەشەددىيلەشتۈرۈۋەتكەن. 1938-يىلى 2-ئايدا گىتلېر بىلەن بېرچىتېسگادېن (Berchtesgaden) دا كېلىشىم تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ، ئاۋسترىيىنى گېرمانىيە مەنپەئىتىگە تىز پۈكتۈرۈپ، مىللىي سوتسىيالىستلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىدىكى ئورنىنى كۈچەيتىپ، گىتلېرنىڭ ئاۋسترىيىنى يۇتۇۋېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن. 3-ئاينىڭ 13-كۈنى، گېرمانىيە ئاۋسترىيىنى قوراللىق ئىشغال قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، جازا لاگېرىغا سولانغان. 1945-يىلى 5-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. كېيىن ئامېرىكىدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1948 — 1967-يىللاردا سان لوئىس داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئەسلىمە — «ئاۋسترىيە روھىنى تىنچلاندۇرۇش كۈيى»، «گىتلېرغا قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىدە»، «بىر مەھبۇسنىڭ بايانى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

شۇلاپۇر قوزغىلىڭى

  • شۇلاپۇر قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]ھىندىستاندىكى شۇلاپۇر (Sholapur) شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى قوزغىلىڭى. 1930-يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنى شۇلاپۇر خەلقى نامايىش قىلغاندا ساقچى تەرەپ ئوق چىقىرىپ قىرغىنچىلىق قىلغان، نامايىشچى ئامما دەرھال قايتۇرما زەربىگە ئۆتۈپ، ھەربىي ئىسكىلات ۋە ساقچى ئىدارىسىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن، ساقچى، ئىنگلىزلار ۋە ئەمەلدارلار بېكىنىۋالغان ۋوگزالنى قورشىۋالغان، قوزغىلاڭچىلار شەھەرنى كونترول قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. مۇستەملىكە دائىرىلىرى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن. 5-ئاينىڭ 16-كۈنى قوزغىلاڭچىلار ھاكىمىيىتىنىڭ ئەزالىرى قولغا ئېلىنىپ، قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان.

شۇمان

  • شۇمان[يەشمىسى:]Robert Schuman، 1886 — 1963)، فرانسىيىنىڭ زۇڭلىسى (1947 — 1948)، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1948 — 1953). ليۇكسېمبۇرگتا تۇغۇلغان. مېتزدا ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىلىم ئالغان. كېيىن بېرلىن، بونن ۋە ستراسبۇرگ قاتارلىق جايلاردا داشۆدە ئوقۇپ، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. كېيىن ئادۋوكات بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1919-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گىستاپو تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، كېيىن قېچىپ چىقىپ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ھەمدە خەلق جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىگە كىرگەن. ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا ئىككى قېتىم سايلانغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، 1946 — 1947-يىللاردا مالىيە مىنىستىرى بولغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان مەزگىلدە 1950-يىلى ياۋروپا كۆمۈر-پولات ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى، يەنى «شۇمان پىلانى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فرانسىيە بىلەن فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ ھەمكارلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ياۋروپا ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە ياۋروپا مۇداپىئە ئورتاق گەۋدىسى شەرتنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشىنى پائال ئالغا سۈرگەن. 1958 — 1963-يىللاردا مىللىي پارلامېنتنىڭ ئەزاسى بولغان. 1958 — 1960 -يىللاردا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى بولغان.

شۇمان پىلانى

  • شۇمان پىلانى[يەشمىسى:] يەنى «ياۋروپا كۆمۈر-پولاتنى بىرلىكتە باشقۇرۇش» پىلانى. 1950-يىلى 5-ئايدا، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شۇمان فرانسىيە بىلەن فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ كۆمۈر-پولات ئىشلەپچىقىرىشىنى «دۆلەتتىن تاشقىرى» بىر ئاپپاراتنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىغا قويۇشنى تەكلىپ قىلغان. 1951-يىلى 4-ئايدا، فرانسىيە، فېدېراتىپ گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليوكسىمبۇرگتىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت مۇشۇ پىلانغا ئاساسەن، پارىژدا مۇددىتى 50 يىللىق «ياۋروپا كۆمۈر-پولاتنى بىرلىكتە باشقۇرۇش شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، ئالتە دۆلەت دائىرىسىدە كۆمۈر-پولات چېگرا بېجىنى ۋە ئېمپورت چەكلىمىسىنى پەيدىنپەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كۆمۈر-پولات ئورتاق بازىرى قۇرۇش قاتارلىقلارنى بەلگىلىگەن. بۇ شەرتنامە ئىككىنچى يىلى 7-ئايدا كۈچكە ئىگە بولغان، 8 -ئايدا بىرلىكتە باشقۇرۇشنىڭ «دۆلەتتىن تاشقىرى» ئالىي ئاپپاراتى قۇرۇلغان. 1967-يىلى 7-ئايدا ياۋروپا كۆمۈر-پولات بىرلەشمىسى، ياۋروپا ئاتوم ئېنېرگىيە بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى قوشۇلۇپ، بىر ئىجرائىيە ئورگىنىغا ئايلاندۇرۇلغان.

شۇنبېرگ

  • شۇنبېرگ[يەشمىسى:]Arnold Schonberg، 1874 — 1951) ئاۋسترىيىلىك كومپوزىتور. يەھۇدىي. كىچىكىدىن باشلاپلا ئىسكىرىپكا بىلەن باش ئىسكىرىپكا چېلىشنى ئۆگەنگەن. 16 يېشىدا دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن. بانكا خىزمەتچىسى بولغان. ئىشتىن سىرتقى چاغدا مۇزىكا ئۆگەنگەن. 1901-يىلى بېرلىنغا بېرىپ سىدون مۇزىكا شۆيۈەنىدە مۇئەللىمى بولغان. 1910-يىلى ۋېنا مۇزىكا شۆيۈەنىگە گارمونىيە مۇئەللىم بولۇپ تەيىنلەنگەن.1915 — 1917-يىللىرى ئاۋسترىيە ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن.1925 -يىلى بېرلىن-پرۇسسىيە مۇزىكا-سەنئەت شۆيۇەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1933-يىلى فاشىستلارنىڭ زىيانكەشلىكى سەۋەبىدىن ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان.1936-يىلى كالفورنىيە داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1941-يىلى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. 12 ئاھاڭ سىستېمىسىنى يېزىش ئۇسۇلىغا ئاساس سالغۇچى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن«پاك كېچە»، «پ-رىياس بىلەن مىلساند»، «ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىنىشى بىلەن ئىسكىرىپكىدا ئورۇنلانغان مۇزىكا»، «ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىنىشى بىلەن پىئانىنودا ئورۇندالغان مۇزىكا» قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا «گارمونىيە نەزەرىيىسى»، «گارمونىيىنىڭ تۈزۈلۈش ئىقتىدارى» قاتارلىق كىتابلارنى يازغان، ئۇ غەرب مودىرنىزم مۇزىكىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ناھايىتى زور تەسىرگە ئىگە.

شۇنخۇا شەرتنامىسى

  • شۇنخۇا شەرتنامىسى[يەشمىسى:]فرانسىيىنىڭ ۋيېتنامنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىشتىكى شەرتنامە. ۋيېتنام رۇەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى شۇنخۇادا ئىمزالانغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. شەرتنامە ئىككى قېتىم تۈزۈلگەن: بىرىنچى قېتىمقى «شۇنخۇا شەرتنامىسى» 1883-يىل 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىمزالانغان بولۇپ، جەمئىي 22 ماددىدىن تەركىب تاپقان. ئاساسلىق مەزمۇنى: ۋيېتنام فرانسىيىنىڭ «ھامىيلىق ھوقۇقى» نى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ؛ فرانسىيە ۋيېتنامنىڭ بارلىق دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ؛ پىڭشون ئۆلكىسى نەنچىدىكى فرانسىيىنىڭ قارىمىقىدىكى مۇستەملىكىگە قوشۇۋېتىلىدۇ؛ دوڭجىڭ (بېيچى) نىڭ مەمۇرىي ئىشلىرى فرانسىيىنىڭ نازارەتچىلىكىدە بولىدۇ؛ فرانسىيىنىڭ شۇنخۇادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى خالىغان ۋاقىتتا ۋيېتنامنىڭ خانى بىلەن «كۆرۈشەلەيدۇ»، بۇنىڭدا خان كۆرۈشۈشنى رەت قىلماسلىقى كېرەك، دېگەنلەردىن ئىبارەت. ئىككىنچى قېتىمقى «شۇنخۇا شەرتنامىسى» 1824-يىل 6-ئاينىڭ 6-كۈنى تۈزۈلگەن بولۇپ، «باتنو شەرتنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ شەرتنامە جەمئىي 19 ماددىدىن تەركىب تاپقان. ئاساسلىق مەزمۇنى: ۋيېتنام فرانسىيىنىڭ ھامىيلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ فرانسىيە ۋيېتنامنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قوشۇن تۇرغۇزۇشقا ھوقۇقلۇق؛ فرانسىيە باش نازارەتچى تەسىس قىلىپ، ۋيېتنامنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ھامىيلىق ھوقۇقىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ دوڭجىڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نازارەتچى ياكى مۇئاۋىن نازارەتچى تەسىس قىلىپ ۋيېتنام ئەمەلدارلىرىنى چەكلەپ تۇرىدۇ، دېگەنلەردىن ئىبارەت. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ۋيېتنام فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان.

شۆجۇ

  • شۆجۇ[يەشمىسى:]1420 — 1506) ياپونىيىنىڭ مۇروماچى دەۋرىدىكى رەسسام. بىتچو (ھازىرقى ئوكاياما ناھىيىسى) ئاكۇزالىق. فامىلىسى كودا، بالىلىق دەۋرىدە كيوتودىكى شياڭگو ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، كاسۇگاخا ياشىغا ئەگىشىپ راھىب بولغان. ئىسمى دېڭياڭ، ئۇ يەنە جۇۋېندىن سۇ بوياق رەسساملىقىنى ئۆگەنگەن. كېيىن شەنكۇغا كۆچۈپ بېرىپ، يۇەن سۇلالىسى راھىبى چۇشى فەنچىنىڭ «شۆجۇ» دېگەن ئىككى خېتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنى تەخەللۇس قىلىۋالغان. 1467-يىلى مىڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچى چىڭچى چۈشكەن كېمە بىلەن جۇڭگودىكى نىڭبوغا كېلىپ، تيەنتۇڭشەندىكى جىڭدې ئىبادەتخانىسىغا بارغان، شۇنداقلا بېيجىڭغا بېرىپ داڭلىق سۈرەتلەرنى تەقلىد قىلىپ سىزغان ھەمدە يېڭى سۈرەتلەرنى سىزغان. 1469-يىلى ئەلچى بىلەن بىللە ۋەتىنىگە قايتقان. 1486-يىلدىن كېيىن شەنكۇدىكى يۇنگۇشۇەندە ئولتۇراقلاشقان. ئۇنىڭ «تاغ-دەريالار»، «كەچ كۈزدىكى تاغ-دەريالار»، «ئاسما كۆۋرۈك» دېگەنگە ئوخشاش داڭلىق سۈرەتلىرى بار. ئۇ سۈرەت سىزىشتا جۇڭگودىكى مايۇەن، شياگۇي قاتارلىقلارنىڭ ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغان، لېكىن يەنە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبنى شەكىللەندۈرگەن، ياپونىيىنىڭ سۇ بوياق سۈرەتچىلىكىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. 1956-يىلى دۇنيا تىنچلىق كېڭىشى ئۇنى دۇنيا مەدەنىيىتىدىكى مەشھۇر كىشىلەرنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتكەن. 

شۆسۇڭ

  • شۆسۇڭ[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ سىللا شېنۋىنۋاڭ دەۋرىدە (681 — 692-يىللار تەختتە ئولتۇرغان) ئۆتكەن ئالىم. تەخەللۇسى سوڭجى، دادىسى يۇەن شياۋ. سىللا تىلىنى خەنزۇچە خەت بىلەن يېزىشقا ۋە سىللا تىلىنى خەنزۇچە خەت ئارقىلىق ئوقۇشقا ماھىر. ماقالە يېزىشقىمۇ ئۇستا. لېكىن ئەسەرلىرى قالدۇرۇلمىغان. بەزىلەر تاڭ سۇلالىسىگە بېرىپ ئوقۇغان دەيدۇ.

شۈزەيبى

  • شۈزەيبى[يەشمىسى:]1866 — 1951)چاۋشيەن «مۇستەقىللىك جەمئىيىتى» باشلىقلىرىنىڭ بىرى. جەنۇبىي چۇەنلۇ ۋىلايىتىنىڭ باۋچېڭ شەھىرىدىن. 1883-يىلى ياپونىيە توكيو قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى مەكتىپىگە كىرگەن، ياندۇرقى يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ۋەتىنىگە قايتقان، كېيىن جياشېڭ سىياسىي ئۆزگىرىشىنى پىلانلاشقا قاتناشقان ھەمدە تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىسى، قوشۇمچە رەسمىي ئەمەلدارى بولغان. مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ياپونىيىگە قېچىپ كەتكەن. ئۇزاق ئۆتمەي ئامېرىكىغا كەتكەن. 1896-يىلى ئامېرىكىدىن چاۋشيەنگە قايتىپ، ئامېرىكاپەرەس كىشىلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ، مۇستەقىللىك جەمئىيىتىنى تەشكىل قىلغان ھەم ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. «مۇستەقىللىك خەۋىرى»نى چىقىرىپ ئەركىنچىلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان، ھۆكۈمەتنىڭ چىرىك سىياسىتىنى تەنقىد قىلغاچقا، بېسىمغا ئۇچراپ، يەنە ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن. 1947-يىلى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەمۇرىي ئەمەلدارى خۇچنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي مەمۇرىي باشلىقى بولغان. كېيىن ئامېرىكىدا ئۆلگەن.

شۈشى

  • شۈشى[يەشمىسى:]942 — 998) چاۋشيەننىڭ كورىيە سۇلالىسى دەۋرىدىكى لەشكەر باشلىقى. ئىسمى ليەنيۈن، لەقىمى جاڭۋېي. جىڭجى رايونىدىكى كەيجىڭ (ھازىرقى كەيچېڭ) دىن. مىلادى 960-يىلى (گۇڭزۇڭنىڭ 11-يىلى) جۇجيادا مەنسەپكە قويۇلغان. 972-يىلى (گۇڭزۇنىڭ 23-يىلى) شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىگە ئەلچى بولۇپ چىققان. 993-يىلى (چېڭزۇڭنىڭ 12-يىلى) قىتانلار بېسىپ كىرگەندە بارگاھ لەشكەر بېشى بولۇپ، شىمال چېگرىسىنى ساقلىغان، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان، يەرنى بۆلۈپ بېرىپ سۈلھ قىلىشقا قارشى تۇرغان. قىتانلارنىڭ شەرقىي ئاستانىدىكى باقاۋۇلى شاۋسۇننىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، كورىيىنىڭ زېمىنىنى ئايرىپ بېرىش، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈش، قىتانلارغا ئولپان تۆلەش دېگەنگە ئوخشاش شەرتلەرنى رەت قىلىپ، كورىيىنىڭ تېررىتورىيە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتا تۆھپە قوشقان. 

شۈيۇجۈ

  • شۈيۇجۈ[يەشمىسى:]1764 — 1845) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىل- لىرىدىكى ئاگرانوم. ئىسمى جۈنپىڭ، لەقىمى فېڭشى، چىڭشاڭنىڭ شىمالىدىكى داجيۇدىن. ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1790-يىلى ئەمەلدارلىق ئىمتىھاندا ئەلا نەتىجە بىلەن كۇيجاڭگې سارىيىدا ئەمەل تۇتقان. «يېزا رەسىم-قائىدىلىرى»، «ئويمىچىلىق ئۇستىسى» دېگەن ئەسەرلەرنى تۈزگەن، ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى «قىزىلچا-ياڭيۇ تېرىش شەجەرىسى». ئۇنىڭدا تاتلىق ياڭيۇ تېرىش، ساقلاش، يېيىش قاتارلىقلار بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا جۇڭگودىكى كىتابلاردىن نەقىل ئېلىنىپلا قالماي، چاۋشيەننىڭ تەجرىبىلىرىمۇ يەكۈنلەنگەن، ئۇ تولىمۇ ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا «ئورمانچىلىق ئىگىلىكىگە ئائىت 16 ئىش» دېگەن ئەسىرى بولۇپ، ئۇ جەمئىي 16 پارچىگە بۆلۈنگەن، ئۇنىڭدا دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىككە ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە ئائىت مەسىلىلەر كەڭ بايان قىلىنغان. شۇ چاغدىكى جەمئىيەتتىكى ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تۇرمۇشقا ئائىت مول تارىخىي ماتېرىياللار بېرىلگەن، ئۇ — چاۋشيەندىكى ھەقىقىي بىلىم ئەھىلىلىرىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «فىڭشىچىا» دېگەن شېئىرلار توپلىمى بار.

شۋېرنىك

  • شۋېرنىك[يەشمىسى:] Николай Михайлович Щверник، 1888 — 1970) سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتى ھەيئەت رىياسى-تىنىڭ رەئىسى (1946 — 1953). ئىشچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1905-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكرات ئىشچىلار پارتىيىسىگە (بولشېۋىك) كىرگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابى مەزگىلىدە روسىيە زەمبىرەك زاۋۇتى ئىشچىلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. غەلىبە قىلغاندىن كېيىن سامارا شەھەرلىك سوۋېت ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە شەرقىي سەپ، غەربىي سەپ، قىزىل ئارمىيىسىدە سىياسىي خىزمەتكە مەسئۇل بولغان. 1925-يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىك) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، لېنىنگراد ئۆلكىسىنىڭ سېكرىتارى (1925 — 1926)، مەركىزىي كومىتېتنىڭ سېكرىتارى (1926 —1927) بولغان. 1930 — 1944-يىللىرى سوۋېت مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەركىزىي پراۋلېنىيىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى بولغان. 1953 — 1956-يىللىرى سوۋېت مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەركىزىي پراۋلېنىيىنىڭ رەئىسى بولغان. 1956 — 1962-يىللىرى سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1962—1966-يىللىرى سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

شېخۇ

  • شېخۇ[يەشمىسى:]Mehmet Shehu، 1913 — 1981)، ئالبانىيە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى. فىئېر (Fier) رايونىنىڭ چاروش كەنتىدە تۇغۇلغان. 1932-يىلى ترانا تېخنىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1935-يىلى ئىتالىيىگە بېرىپ، نېئاپول ھەربىي ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1937-يىلى ئىسپانىيە جۇمھۇرىيىتىنى قوغدىغۇچى خەلقئارا كالوننىغا قاتناشقان، شۇ يىلى ئىسپانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. 1942-يىلى دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، ئالبانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى (1948-يىلى ئالبانىيە ئەمگەك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن) گە كىرىپ، ۋلوريې (Vlore)ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە تەشكىلات سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىنكى يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا سايلانغان. كېيىن پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى، مىللىي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ لۈيجاڭى، شىجاڭى بولغان. ئازادلىقتىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئالىي ھەربىي ئىنستىتۇتتا ئوقۇغان، 1946-يىلى مەملىكىتىگە قايتىپ كېلىپ، خەلق ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان. 1948-يىلىدىن باشلاپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1954-يىلىدىن باشلاپ مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولغان، 1974 — 1980 -يىللاردا قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1956-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 8-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان، كېيىن جۇڭگونى بىرقانچە قېتىم زىيارەت قىلغان.

شېرشېسⅠ

  • شېرشېسⅠ[يەشمىسى:]Xerxes I، مىلادىدىن ئىلگىرى 486 — 465) قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 486 — 465). دارىئۇس Ⅰنىڭ ئوغلى. تەختكە چىققان دەسلەپكى يىللىرى مىسىر، بابىلون قاتارلىق جايلاردىكى پېرسىيىگە قارشى قوزغىلاڭلارنى باستۇرغان. مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى (يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشىدا)، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى باشلاپ يۇنانغا جازا يۈرۈشى قىلغان. تېرموپۇلې (ئارشاڭ ئېغىزى) جېڭىدە غەلىبە قىلغان. سپارتا پادىشاھى لېئوندا جەڭدە ئۆلگەن. ئافىناغا قوشۇن تارتىپ كىرىپ بۇلاپ-تالىغان. سالامى دېڭىز ئۇرۇشىدا قاتتىق يېڭىلىپ ئۇرۇش كېمىلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئالدىراپ دۆلىتىگە قايتقان؛ ماردونىئۇس (Mardonius) تا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى باشلاپ ئوتتۇرا يۇنانغىچە بارغان. مىلادىدىن 479 يىل ئىلگىرى، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بېئوتىيىنىڭ پلاتې دېگەن جايدا، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قالدۇق قىسىمى كىچىك ئاسىيانىڭ مۇكالې (Mykale) دېڭىز تۇمشۇقىدا مەغلۇپ بولغان؛ شۇنىڭدىن كېيىن، يۇنانلىقلار قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. شېرشېس ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بەكمۇ زوراۋانلىق قىلغانلىقتىن ئوردا سۇيىقەستىدە ئۆلتۈرۈلگەن.

شېكېسپېر

  • شېكېسپېر[يەشمىسى:]William Shakespeare، 1564 — 1616)ئەنگلىيە دراماتورگى، شائىرى. ستراتفورد (Stratford on Avon) بازىرىدىكى بىر باي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپكى يىللاردا ئۆز يېزىسىدىكى بىر مەكتەپتە لاتىن يېزىقى ۋە قەدىمكى يۇنان يېزىقىنى ئۆگەنگەن، كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. تەخمىنەن 1585-يىلى يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى بىلەن، لوندونغا بېرىپ تىرىكچىلىك قىلغان. تىياتىرخانىنىڭ قارا خىزمەتچىسى، ئارتىس بولغان. كېيىن سەھنە ئەسىرى يېزىشقا بېرىلگەن. تەخمىنەن 1612-يىلى يۇرتىغا قايتقان. نۇرغۇنلىغان داستان، شېئىر ۋە دراما يازغان. ھازىر 14 مىسرالىق شېئىرىدىن 154 پارچىسى ساقلانماقتا. درامىسى 37 بولۇپ، ئاساسلىقى تارىخىي درامىلىرىدىن «ھېنرى Ⅵ»، «ھېنرى Ⅳ»، «رىچاردⅡدەۋرى»،«رىچارد Ⅲ دەۋرى»،«پادىشاھ جۇن»، ھېنرى Ⅷ» قاتارلىقلار؛ كومېدىيىدىن «ياز كېچىسىدى-كى چۈش»، «بىكارچىنىڭ چولىسى يوق»، «ۋېنېتسىيە سودىگىرى» قاتارلىقلار؛ تراگېدىيىدىن «رومېئو -جولېتتا»، «خاملېت»، «ئوتېللو»، «پادىشاھ لىر» قاتارلىقلار؛ رىۋايەت ئەسەرلىرىدىن «بوران-چاپقۇن» قاتارلىقلار بار، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئەنگلىيە جەمئىيىتىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، فېئوداللىق تۈزۈمىنىڭ چىرىكلىكى، قاراڭغۇلۇقى ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ بايلىق ھەم ھوقۇققا بولغان ئىنتىلىشى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلگەن؛ گومانىتارلىق، ئادەمنىڭ كۈچىگە ئىشىنىش، كىشىلىك تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش تەرغىپ قىلىنغان، خاسلىق ئازادلىقى، نىكاھ ئەركىنلىكى تەشەببۇس قىلىنغان؛ ھەققانىيەت مەدھىيىلەنگەن، شېكېسپېرنىڭ سەھنە ئەسەرلىرى ئەنگلىيە ۋە ھەتتا ياۋروپا ئەدەبىياتى ۋە تىياتىرىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

شېللېر

  • شېللېر[يەشمىسى:]Percy Bysshe Shelley،1792 —1822) ئەنگلىيىلىك رومانتىك شائىر. ئاق سۆڭەك ئائىلىسىدىن چىققان. رۇسسو ۋە گودۋىن قاتارلىقلارنىڭ ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغان. 1811-يىلى «ئاتىئېزمنىڭ مۇقەررەرلىكى» دېگەن ئەسەرنى ئېلان قىلغانلىقتىن ئوكسفورد داشۆسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. كېيىن بېرلىنغا كۆچۈپ بېرىپ، ئېرلاندىيە مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىگە ئاتلانغان، 1818-يىلى ئىنقىلابىي خاراكتېرلىك ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغانلىقى ھەم تەن سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەنگلىيىدىن كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، ئىتالىيىگە كۆچۈپ بارغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا بايرون بىلەن ياخشى دوست بولغان. 1822-يىل 7-ئاينىڭ 8- كۈنى دېڭىز ساياھىتى قىلىۋاتقاندا كېمە ئاغدۇرۇلۇپ كېتىپ سۇغا غەرق بولۇپ ئۆلگەن. ئۇ «ئايال پادىشاھ مەب»، «ئىسلام قوزغىلىڭى»، «ئازاد بولغان پرومىتې» قاتارلىق داستانلىرى ۋە شېئىرىي تىياتىرلىرىدا، جەمئىيەتتىكى كەمبەغەللىك-بايلىق تەكشىسىزلىكىنى پاش قىلغان، فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا زەربە بەرگەن. «پېترو پاجىئەسى» دىن كېيىن، «ئەنگلىيە خەلقىغە»، «1819-يىلدىكى ئەنگلىيە»، «مۇستەبىت ئالۋاستى شاھنىڭ نىقابلانغان نامايىشى» دېگەنگە ئوخشاش شېئىرلارنى يېزىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن، خەلقنى ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا دەۋەت قىلغان.

شېللىڭ

  • شېللىڭ[يەشمىسى:]Friedrich Wilhelm Joseph Von Schelling، 1775 — 1854)، گېرمانىيىلىك كلاسسىك ئىدېئالىستىك پەيلاسوپ. ۋيۇرتېمبېرگتىكى لېئونبىگ پروتېستانت پوپىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1790 — 1795-يىللاردا تيۇبىنگېن داشۆسىدە پەلسەپە ۋە ئىلاھىيەت ئۆگەنگەن. 1798 — 1826-يىللاردا يېنا داشۆسى، ميۇنخېن داشۆسى، ئېرلانگېن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1827-يىلىدىن باشلاپ باۋارىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1841-يىلى بېرلىن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان ھەمدە بېرلىن پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلانغان. يەنە پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. ياش ۋاقتىدا فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، فېئوداللىققا قارشى ئىدىيىدە بولغان. 1800-يىلىدىن كېيىن سىياسىي كۆزقارىشى كۈنسايىن ئەكسىيەتچىلەشكەن. ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى «تەبىئەت پەلسەپىسى»، «ئوخشاشلىق پەلسەپىسى»ۋە «ئويغىتىش پەلسەپىسى» دىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. «تەبىئەت پەلسەپىسى» دە، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى «ئالەم روھى» مۇئەييەن مەقسەت بويىچە ياراتقان، دەپ قارىغان. ئەمما شەيئىلەرنىڭ ھەرىكىتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ تۈپ سەۋەبى زىددىيەتنىڭ قارىمۇ قارشىلىقىدىن ئىبارەت دەپ قاراپ، ئىدېئالىستىك «تەبىئەت پەلسەپىسى» ئەقىلغا مۇۋاپىق دىئالېكتىكىلىق ئىدىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. «ئوخشاشلىق پەلسەپىسى» دە، سۇبيېكت بىلەن ئوبيېكت، «مەن» بىلەن «غەيرىي مەن»، تەپەككۇر بىلەن مەۋجۇدىيەت بىرلا ۋاقىتتا «مۇتلەق ئوخشاشلىق» مەنبەسىدىن باشلانغان، دەپ قارىغان، ئۇنىڭ ماھىيىتى ئالەمنى خۇدا ياراتقان دېگەن تەلىماتنىڭ كۆچۈرۈلمىسىدىن ئىبارەت. 1804-يىلىدىن كېيىن ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى كۈنسايىن دىنىي سىرلىقلاشتۇرمىچىلىق — «ئويغىتىش پەلسەپىسى» گە يۈزلەنگەن. ئۇ دىن پەندىن يۇقىرى تۇرىدۇ، دېگەننى تەرغىپ قىلىپ، خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاشكارا ئىسپاتلاپ، ياش گېگېلچىلارنىڭ دىننى تەنقىد قىلىشى بىلەن قارشىلاشقان.ئۇنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرى ئىدېئولوگىيە جەھەتتە پرۇسسىيە ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمىتىنى قوللاش رولىنى ئوينىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى «تەبىئەت پەلسەپىسى سىستېمىسى ھەققىدە دەسلەپكى كۇپىيە»، «ئەزەلىلىك ئىدېئالىزم سىستېمىسى»، «ئالەمنىڭ روھى»، «مېنىڭ پەلسەپە بايانلىرىم» ۋە ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى رەتلەپ نەشىر قىلدۇرغان «ئەپسانىلەر ۋە ئويغىتىش پەلسەپىسى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

شېنوفان

  • شېنوفان[يەشمىسى:]Xenophanes، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 570 — 480) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. كىچىك ئاسىيادىكى كولوپون (Colophon) دا تۇغۇلغان. 25 ياش ۋاقتىدا جەنۇبىي ئىتالىيىگە كۆچۈپ بېرىپ (قېچىپ بارغان دېگەن گەپمۇ بار)، بىر مەزگىل ئېلېيە (Elea) دە تۇرغان. ئادەتتە «ئېلېيە ئىلمىي ئېقىمى» غا ئاساس سالغۇچى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە، لېكىن يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ ئىدىيىسى بۇ ئېقىمغا تەۋە ئەمەس ئىدى، دەپمۇ قارايدۇ. ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان «تەربىيە توغرىسىدا شېئىرلار»، «تەبىئەت ھەققىدە» قاتارلىقلارنىڭ پارچىلىرىدىن قارىغاندا، ئۇنى ئېتىكا پەيلاسوپى، قوشۇمچە شائىر دېگەن مۇۋاپىق. ئۇ قەدىمكى يۇناندا ئومۇميۈزلۈك تارقالغان «تەڭرى بىلەن ئادەم ئوخشاش شەكىل، ئوخشاش جىنستا بولىدۇ» دېگەن قاراشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، گومېر بىلەن ھېسىئود (Hesiod) ئوغرىلىق، نومۇسىغا تېگىش، ئالدامچىلىق قاتارلىق بۇ دۇنيادىكى بۇزۇقچىلىقنى خۇداغا دۆڭگەپ قويدى، بۇنى ئۈلگە قىلغىلى بولمايدۇ، دېگەن. پان ئىلاھچىلىق تەرەپدارى بولۇپ، تەڭرى — ئالەم، تىرىك تەبىئەت؛ تەڭرى ھەممىگە قادىر، ئۇ بىردەكلىككە ۋە ئۆزگەرمەسلىككە ئىگە دەپ ھېسابلىغان. ئۇ «مۇبادا كالا ۋە شىردىمۇ بىر جۈپ قول بولغان بولسا، ئۇلارمۇ ئادەمگە ئوخشاش بەدىئىي ئەسەرلەرنى ياراتقان بولاتتى، ئۇ ھالدا ئوخشاشلا تەڭرىنى سۈرەتلەپ چىققان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ تەن شەكلىنى تەڭرىگە بەخش ئەتكەن بولاتتى» دېگەن. ھەممە (جۈملىدىن ئىنسانلارمۇ) توپا بىلەن سۇدىن پەيدا بولغان، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان.

شېنوفون

  • شېنوفون[يەشمىسى:]Xenophon، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 430 — 354) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى، يازغۇچىسى. ئافىنادا دۆلەتمەن ئائىلىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئاقسۆڭەكلەرچە تەربىيە كۆرگەن، كۆپ خىل ئىلىم ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان، پەيلاسوپ سوكراتنىڭ شاگىرتى. سپارتانىڭ ئاقسۆڭەكلەرچە مۇستەبىتلىك سىياسىي تۈزۈلمىسىنى قوللاپ، ئافىنانىڭ دېموكراتىك سىياسىيسىغا قارشى تۇرغان. مىلادىدىن 403 يىل ئىلگىرى ئافىنانىڭ تىران ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، يۇرتىدىن ئايرىلىپ ياقا يۇرتلاردا يۈرۈپ، قايتىپ كەلمىگەن. مىلادىدىن 401 يىل ئىلگىرى پېرسىيە شاھزادىسى كىچىك كۇرۇسنىڭ يۇنان ياللانما قوشۇنىغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ پېرسىيە خانلىق تەختىنى تارتىۋېلىشىغا ياردەملەشكەن. كۇناكسا (Cunaxa) ئۇرۇشىدا كىچىك كۇرۇس مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ياللانما قوشۇن تەرىپىدىن داھىيلىققا كۆتۈرۈلۈپ، 10 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق قوشۇننى باشلاپ، مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ شىمالىدىن يولغا چىقىپ، ئەرمەنىستان ئارقىلىق كاپكاز تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقى بىلەن يۇنانغا قايتىپ كەلگەن. كېيىن سپارتاغا تايىنىپ، ئافېنا بىلەن دۈشمەنلەشكەن. مىلادىدىن 394 يىل ئىلگىرى ئافىنا پۇقرالار قۇرۇلتىيىنىڭ سىرتتىن سوت قىلىشى بىلەن، ئۆمۈرلۈك سۈرگۈنگە ھۆكۈم قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن سپارتانىڭ خوجىلىق يېرىدە 20 يىلدىن ئارتۇق تۇرۇپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. مىلادىدىن 369 يىل ئىلگىرى ئافىنا بىلەن سپارتا يېڭىباشتىن يارىشىپ، كەچۈرۈم قىلىنغان بولسىمۇ، يەنىلا يۇرتىغا قايتىپ كەلمەي، كورىنفتا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئەسەرلىرى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقلىرى يەتتە توملۇق «يۇنان تارىخى» (تىئوكىدىدنىڭ تارىخ ئەسىرىگە ئۇلاپ، مىلادىدىن 411 يىل ئىلگىرىكى يىلدىن مىلادىدىن 362 يىل ئىلگىرىكى يىلغىچە بولغان تارىخىي ۋەقەلەرنى يېزىپ چىققان)، «يىراققا يۈرۈش قىلىش خاتىرىسى»، «ئىقتىساد توغرىسىدا»، «ئافىنانىڭ كىرىمى»، «كۇرۇسنىڭ تەربىيىلىنىشى»، «سپارتانىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ھەققىدە»، «سوكرات توغرىسىدا ئەسلىمە» قاتارلىقلار بار، بولۇپمۇ «يىراققا يۈرۈش قىلىش خاتىرىسى» بەكمۇ كەڭ تارقالغان.

شېن يىچيەن

  • شېن يىچيەن[يەشمىسى:]1535 — 1587) چاۋشيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدە ئىككى تەبىقە مۆتىۋەرلەر گۇرۇھى ماجىراسى داۋامىدا بارلىققا كەلگەن غەربچىلەر گۇرۇھىنىڭ باشلىقى. كىيۇنساندۇ ۋىلايىتىنىڭ چىڭسوڭ دېگەن يېرىدىن. ئىسمى فاڭشۇ، تەخەللۇسى يىئەن. مىڭزۇڭنىڭ خانىكىسى رىنشۇننىڭ ئىنىسى. 18 يېشىدا ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ تەشرىپتار بولغان. 1573-يىلى (شۇەنزۇنىڭ 6-يىلى) ئەمرى دىۋانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. دالالەتچى بېگى تاللاش مەسىلىسىدە جىن شۇيۇەن بىلەن ھوقۇق تالىشىپ قېلىپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا گۇرۇھ تىكلىگەن. ئۇ سېئول شەھىرىنىڭ غەربىي رايونىدىكى جىن لىڭدوڭ دېگەن يەردە ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۈچۈن بۇ گۇرۇھتىكىلەر غەربچىلەر دەپ ئاتالغان. 1575-يىلى (شۇەنزۇنىڭ 8-يىلى) لىئېر(1536 — 1584) نىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن كائېسوڭغا كۆچۈپ كېلىپ شۇ يەرنى قوغدىغان. 1581-يىلى (شۇەنزۇنىڭ 14-يىلى) گۇرۇھلار ماجىراسىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈشى تۈپەيلىدىن كېنگىدو ۋىلايىتى پوجۇ ئايمىقىغا بېرىۋالغان.

شىئەلەر

  • شىئەلەر[يەشمىسى:] ئەرەبچە shiah نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، «مەزھەپ» ياكى «دىنىي گۇرۇھ» دېگەن مەنىدە. بۇ ئەسلىدە پەقەت ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، كېيىنچە تەرەققىي قىلىپ، ئىسلام دىنىدىكى مۇھىم بىر دىنىي مەزھەپكە ئايلىنىپ، سۈننىي مەزھىپى بىلەن قارىمۇ قارشى مەزھەپ بولغان. ئۇلار پەقەت ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىلا مۇھەممەتنىڭ قانۇنىي ۋارىسى يەنى ئىمام بولالايدۇ؛ ئىمام — ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى ۋە «ئالاھىدە بەندە»، ئۇ مەڭگۈ خاتالاشمايدۇ؛ ئەڭ ئاخىرقى ئىمام غايىب بولۇپ كەتكەن، ئۇ كەلگۈسىدە مەھدى (Mahdi، قۇتقازغۇچى) سۈپىتىدە دۇنياغا كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. كېيىن شىئە مەزھىپىمۇ زەيىدىيە، ئىمامىيە، ئىسمائىلىيە ۋە باشقا بەزى تارماق مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.

شىئە مەزھىپى

  • شىئە مەزھىپى[يەشمىسى:]يەنى«什叶派».

شىباۋ

  • شىباۋ[يەشمىسى:]Thibaw، 1858 — 1916). بىرما ئالۇڭپايا خاندانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمرانى (1878 — 1885) مىندوننىڭ كىچىك ئوغلى. تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن ئاتىسىنىڭ ئەنگلىيىگە قاراتقان سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈپ، ئەنگلىيىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 1885-يىلى 5-ئايدا فرانسىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، فرانسىيىلىكلەرنىڭ بىرمىدا تۆمۈريول ياسىشىغا، بانكا ئېچىشىغا يول قويغانلىقى ئۈچۈن ئەنگلىيىنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇ يىلى 10-ئايدا، ئەنگلىيە تېكتون دەرىخى ئەنزىسىنى باھانە قىلىپ، ئۈچىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە-بىرما ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئۇرۇش داۋامىدا ئەنگلىيە قوشۇنى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن. كېيىن ھىندىستان بومباي ئۆلكىسىنىڭ راتناگىرى (Ratnagiri) ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنىپ، شۇ يەردە ئۆلگەن.

شىتيەن جېنجې (كىتاساداكىچى)

  • شىتيەن جېنجې (كىتاساداكىچى)[يەشمىسى:]1871 — 1939). ياپونىيىلىك تارىخشۇناس، ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى. توكۇشىما ناھىيىسىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1896-يىلى ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياپونىيە تارىخى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1899-يىلى ياپونىيە تارىخ-جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنى تەشكىللەپ، «تارىخ-جۇغراپىيە» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان. 1901-يىلى مەدەنىيەت ۋازارىتىنىڭ كىتاب تەھرىرلىگۈچى ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلىنىپ، ياپونىيە تارىخى دەرسلىكىنى تەھرىرلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. دەرسلىكتە جەنۇبىي سۇلالىلەر بىلەن شىمالىي سۇلالىلەرنى تەڭ ئورۇنغا قويغانلىقى ئۈچۈن، 1911-يىلى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈل-ۈپ خىزمەتتىن توختىتىلغان.1919-يىلى ياپونىيە ئىلمىي ئومۇملاشتۇرۇش جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، «مىللەت ۋە تارىخ» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان. 1920-يىلى كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1924-يىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، يەنىلا كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، شەرقىي شىمال ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكتورلۇق قىلغان. ئۇ قەدىمكى مىللەتلەر، داڭدار خوجىلىق يەرلەر ۋە ئازاد قىلىنمىغان قەبىلىلەر قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ھۈججەتلىك ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىشتىن قول سېلىپ ھەمدە ئارخېئولوگىيىلىك، بىناكارلىق ئەمەلىي نەرسىلەرنى تەتقىق قىلىش، نەق مەيداننى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن ھالدا، كەڭ تەتقىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان ھەمدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى «جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر توغرىسىدا» ، «ئىمپېرىيە پايتەختى»، «شەرقىي چىنىڭ تارىخنامىسى»، «60 يىلنى ئەسلەش» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

شىدې خاراكىجۇرۇ

  • شىدې خاراكىجۇرۇ[يەشمىسى:]1872—1951) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1945 — 1951). ئوساكادىكى بىر پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. مىتسوبىشى مالىيە ماگىناتى ئىۋاساكى ياتارونىڭ كۈيئوغلى. گوللاندىيىدە تۇرۇشلۇق كونسۇل (1914 — 1915)، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى (1919 — 1922) بولغان. 1924 — 1927-يىللىرى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە ئەنگلىيە، ئامېرىكا بىلەن ماسلىشىپ، جۇڭگودىكى ھوقۇق-مەنپەئىتىنى دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق كېڭەيتىشنى، شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1929—1931-يىللىرى يەنە بىر قېتىم تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو-ياپونىيە چېگرا بېجى كېلىشىمىنى تۈزۈپ چىققان. «دېڭىز ئارمىيىسىنى قىسقارتىش لوندۇن شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغاچقا،ئارمىيە تەرەپ ۋە ئوڭ قاناتلار تەرىپىدىن «زەئىپ دىپلومات» دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1945-يىلى 10-ئايدا، كابىنېت تەشكىللەپ، ئىككىنچى يىلى 4-ئايدىكى سايلامدىن كېيىن ئىستېپا بەرگەن. كېيىن ئىلغارلار پارتىيىسىنىڭ لىدىرى، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پەخرى لىدىرى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى (1949 — 1951) بولغان. «50 يىللىق دىپلوماتىيە» دېگەن ئەسىرى بار.

شىدىڭ(مورۇماچى) شوگناتى

  • شىدىڭ(مورۇماچى) شوگناتى[يەشمىسى:] ياپونىيە سىياگۇنى ئاشكاگو قۇرغان فېئودال ھاكىمىيەت. 1338-يىلى ئاشكاگو تاكاخى ياتلارغا يۈرۈش قىلغۇچى سەردارلىققا تەيىنلىنىپ، كيوتودىكى مورۇماچىدا بارگاھ قۇرغان.دەسلەپتە ئاشكاگو دەپ ئاتالغان، مەركەزدە ئاشكاگو شوگونلۇقى دەپ ئاتالغان، مەركەزدە گۇەنلىڭ تەسىس قىلىنىپ، سىياگۇنغا ياردەملىشىپ، شوگناتتىكى سىياسىي ئىشلارنى باشقۇرغان، ئۇنىڭدىن قالسا ئامبال مەھكىمىسى، دادخاھ مەھكىمىسى، مالىيە مەھكىمىسى، كېڭەش قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان؛ جايلاردا كانتۇگۇەنلىڭى، خاسيۇتاندايى، ئاكسىيۇتاندايى، كيۇسيۇتاندايى ۋە باقاۋۇل مەھكىمىلىرى قۇرۇلغان. 1392-يىلى ئاشكاگو جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، شىدىڭ شوگناتى دەپ ئاتاشقا باشلىغان، بۇ ئۇنىڭ تازا گۈللەنگەن مەزگىلى بولغان. يىڭرېن توپىلىڭىدىن كېيىن، زومىگەرلەر يەرلەرنى بۆلۈشۈۋېلىپ، تۇشمۇ تۇشتا يېغىلىق يۈز بەرگەن ھەمدە شەنچېڭ ۋە يىشياڭزۇڭ مەزھىپىدىكىلەر توپىلىڭى يۈز بەرگەنگە قەدەر داۋام قىلغان، بارگاھ كيوتودىكى يەرلىك ھاكىمىيەت بولۇپ قالغان. 1573-يىلى جىتيەن شىنچاڭ 15-ئەۋلاد سىياگۇن ئاشكاگو (1597 — 1537)نى كيوتودىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، بارگاھ ئاغدۇرۇلغان. جەمئىي 235 يىل داۋاملاشقان. ئەمەلىيەتتە باقاۋۇل مەھكىمىلىرىنىڭ بىرلەشمە ھاكىمىيىتى، شۇنداقلا فېئوداللىق يەر بۆلۈشۈشتىن تارتىپ، ھوقۇق، مەركەزگە يىغىلغان ھاكىمىيەت تۈزۈمىگىچە بولغان ئۆتكۈنچى ھاكىمىيەت ھېسابلىنىدۇ.

شىراتورى كۇراكىچى

  • شىراتورى كۇراكىچى[يەشمىسى:]Shiratori Kurakichi، 1865 — 1942) ياپونىيىلىك شەرق تارىخشۇناس. ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى. چىبا ناھىيىسىنىڭ موبارا شەھىرىدە تۇغۇلغان. توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۈگىش ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1903 -يىلى ياۋروپادا ئوقۇپقايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىككىنچى يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. كېيىن ئىمپېرىيە ئالىملار يۇرتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1908-يىلىدىن تارتىپ «مانجۇرىيە تۆمۈريولى» تارىخىنى تەكشۈرۈش كافېدراسىنى باشقۇرغان ھەمدە شەرقىي ئوكيان جەمئىيىتى ئىلمىي تەكشۈرۈش بۆلۈمىنى قۇرۇپ، «شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژۇرنىلى» نى نەشىر قىلغان. شەرقىي ئوكيان ئەدەبىيات خەزىنىسىنى قۇرغان. ئوتتۇرا ئاسىيا، چاۋشيەن، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى، موڭغۇلىيە تارىخىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلغان. غەربىي يۇرت تارىخى تەتقىقاتى جەھەتتە يۈكسەك سەۋىيىگە ئىگە. ئاساسلىق ئەسەرلىرى: «مانجۇرىيە تارىخى جۇغراپىيىسى»، «چاۋشيەن تارىخى جۇغراپىيىسى»، «غەربىي يۇرت تارىخى تەتقىقاتى»قاتارلىقلار. كېيىن ئون توملۇق «شىراتورى كۇراكىچى ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

شىرام

  • شىرام[يەشمىسى:]Karl August Schramm، 1849 — 1914) گېرمانىيىنىڭ سوتسىيال ئىسلاھاتچىسى. گېرمانىيە سوتسىيال ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1878-يىلى «سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شۋېتسارىيىدە خيۇسبورگ ۋە بېرنىشتېين بىلەن بىرلىشىپ «سيۇرىخ ئۈچ كىشىلىك بىلۇك» نى تەشكىل قىلىپ، پارتىيىگە قارشى ژۇرنال «ئىجتىمائىي پەن ۋە ئىجتىمائىي سىياسىي يىللىق مەجمۇئەسى» نى نەشىر قىلىپ، پارتىيىگە قارشى پروگرامما «گېرمانىيىدىكى سوتسىيالىزم ھەرىكىتى ھەققىدە ئەسلىمە» نى ئېلان قىلىپ تەسلىمچىلىك لۈشيەنىنى تەرغىپ قىلىپ، گېرمانىيە سوتسىيال ئىشچىلار پارتىيىسىگە ئىنتايىن زور زىيان يەتكۈزگەن. 80-يىللاردا پارتىيىدىن ئايرىلغان. 

شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل

  • شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل[يەشمىسى:]يەنى «سفىنكس».

شىر گېزىتى

  • شىر گېزىتى[يەشمىسى:] «شىر ھەپتىلىك گېزىتى» دەپمۇ ئېلىنىدۇ (Kesri). 1881-يىلى تىلاكنىڭ مۇھەررىرلىكىدە چىققان. ھىندىستاننىڭ مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان گېزىت. ماراتا يېزىقىدا نەشىر قىلىنغان.ⅩⅨئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن 90 -يىللىرىغىچە ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھىندىستانغا قاراتقان تالان-تاراج ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىسىدىن ئىبارەت زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا كۈچلۈك زەربە بەرگەن ۋە ئۇنى پاش قىلغان، ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستانغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان، شۇڭا ئەينى چاغدا مەزكۇر گېزىت خېلى كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولغان. 

شىرلېي باكېر

  • شىرلېي باكېر[يەشمىسى:]Shirley Waldemar Baker، 1836—1903)، تونگا پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى (1880 — 1890)، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى. ئەنگلىيىلىك. ئەسلىدە ۋېسلېي چېركاۋىنىڭ مىسسىئونېرى. پادىشاھ گېئورگې تۇپوئۇⅠ ياشىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ، ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلغان، ئەمر-پەرمانلارنى تۈزگەن، ئاقسۆڭەكلەرگە نۇرغۇن يەرلەرنى ئىنئام قىلىپ، چوڭ فېئوداللار يەر مۈلۈكچىلىكىنى بەرپا قىلغان، دىننى ئىسلاھ قىلىپ، تونگا ئەركىن چېركاۋىنى تەسىس قىلغان. ھاكىممۇتلەقلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. 1886-يىلى سۇيىقەستكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئامان قالغان. تونگا تاپۇ ئارىلىغا ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئۆچ ئالغان. كېيىن ئەنگلىيىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكياندا تۇرۇشلۇق ئالىي باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلىنىپ، تونگادىن يۆتكەپ كېتىلگەن.

شرودىنگېر

  • شرودىنگېر[يەشمىسى:]Erwin Schrōdinger، 1887 — 1961) ئاۋسترىيىلىك فىزىك. كۋانت مېخانىكىسى ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى. ۋېنادىكى بىر زاۋۇت خوجايىنى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ۋېنا داشۆسىدە خاسېنۇرل (Friedrich Hasenórl) دىن ئۆگىنىپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا چاقىرىق بويىچە ئەسكەرلىككە كىرگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن ۋېنا 2-فىزىكا تەتقىقات ئورنىدا ئىشلىگەن. 1921-يىلدىن كېيىن ئۇزاق مۇددەت چەت ئەللەردە ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1956-يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، ۋېنا داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. فرانسىيە فىزىكى دې بروگليې (Louis Victor de Broglie، 1892 — ؟) نىڭ ماددىي دولقۇن توغرىسىدىكى نەزەرىيىسى ئاساسىدا دولقۇن مېخانىكىسىنى ياراتقان. ئۇنىڭ «شىرودىنگېر تەڭلىمىسى» كۋانت مېخانىكىسىدا مىكرو زەررىچە ھەرىكىتى ھالىتىنى بايان قىلىشنىڭ ئاساسىي قانۇنى بولۇپ، ئۇنىڭ كۋانت مېخانىكىسىدىكى ئورنىنى نيۇتوننىڭ ھەرىكەت قانۇنىنىڭ كلاسسىك مېخانىكىدىكى ئورنىغا سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ. ئۇ ئاتوم ھەققىدىكى نەزەرىيىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن، 1933-يىلى ئەنگلىيە فىزىكى دىرىك (Paul Adrien Maurice Dirac، 1902 —) بىلەن بىرلىكتە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ نامىدا مۇكاپات تەسىس قىلغان.

شىكتېئى سانبا

  • شىكتېئى سانبا[يەشمىسى:]1776 — 1822) ياپونىيە ئېدونىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى كۈلكىلىك ھېكايىلەرنى يازغۇچى، ئېدونىڭ ئاساكۇسا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى كىكۇ ئىكې خىسانورى، تەخەللۇسى ئويۇنخانا. كىتابخانا ئاچقان. كېيىن دورا سودىگەرلىكى بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە تىرىشىپ يېزىقچىلىق قىلغان. 1809 — 1812-يىللىرى تۆت قىسىم، توققۇز بۆلۈملۈك «ئۇكىيو مۇنچىسى» نى ۋە 1812 — 1814-يىللىرى ۋەكىللىك ئەسىرى «ئۇكىيو ساتىراشخانىسى» نى يېزىپ، دىئالوگ شەكىلدىن پايدىلىنىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن ھەمدە ئەسەرلىرى ھەجۋىي خاراكتېردە يېزىلغان.

شىك دىنى

  • شىك دىنى[يەشمىسى:] جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇق پەنجاپ قاتارلىق رايونلارغا تارقالغان دىن. ⅩⅥ ئەسىردە پەنجاپتا پەيدا بولغان. ئۇ ھىندى دىنىدىن بۆلۈنۈپ چىققان، ناناك (Nānak، 1469 — 1538) تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. ئۇنىڭ مۇرىتلىرى شىك ( Sikh، ھىندى تىلىدا «مۇرىت» دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئالغان. دەسلەپ شەھەر سودىگەرلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان، فېئوداللىققا قارشى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان، ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ئىچىدە ھىندى دىنى مۇرىتلىرى، نامرات مۇسۇلمانلارمۇ، ھەتتا تۆۋەن تائىپىدىن كېلىپ چىققان نۇرغۇن كىشىلەرمۇ بولغان. بىر خۇدالىقنى تەشەببۇس قىلىپ، «بىر خۇدا، بىر ئۇستا ۋە بىر ئىسمى ئەزەم(تەڭرىنىڭ ئىسمى)»نى تەرغىپ قىلغان. ھىندى دىنىنىڭ تولىمۇ كۆپ مۇراسىملىرى ۋە تائىپىگە ئايرىشىغا قارشى تۇرۇپ، خۇدا ئالدىدا ھەممە مۇرىتلار پۈتۈنلەي باپباراۋەر دەپ قارىغان. دەسلەپكى مەزگىلدە «پىر تۈزۈمى» يولغا قويۇلغان، 10-ئەۋلاد پىردىن كېيىن بۇ تۈزۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. كېيىن پەۋقۇلئاددە تەشكىلاتقا ئايلىنىپ، مۇرىتلىرىدىن ئىئانە يىغىپ ھۆكۈمەتكە ئوخشاپ كېتىدىغان تەشكىلات بولۇپ قالغان. «گرانت ساھىب» ئاساسىي مۇقەددەس كىتابى قىلىنغان. ⅩⅦ ئەسىردە موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئامرىنىسارنى مەركەز قىلىپ، پەنجاپتا تايانچ بازا قۇرۇپ، ئىستىھكام-قورغان ياساپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، فېئوداللىققا قارشى قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغان. ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئەنگلىيىگە قارشى كۆپ قېتىملىق كۈرەش ئېلىپ بارغان.

شىك ئۇرۇشى

  • شىك ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ئەنگلىيە ھىندىستان شىك دۆلىتىنى يۇتۇۋالغان ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇش ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان: (1) 1845 — 1946-يىللىرىدىكى ئۇرۇش. تۆت قېتىملىق جەڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1945-يىلى 12-ئايدا شىك قوشۇنلىرى ساتلېج دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئەنگلىيە قوشۇنىغا قارشى جەڭگە ئاتلانغان. لېكىن مۇدكى (Mudki، 1845-يىل 12-ئاينىڭ 18-كۈنى)، ف-ېروزېشار (Ferozeshahr، 1845-يىل 12-ئاينىڭ 21-كۈنى)، ئالىۋال (Aliwal،1846-يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنى) ۋە سوبرائون (Sobraon، 1846-يىل 2-ئاينىڭ 10-كۈنى) لاردا، ھەربىي قومانداننىڭ ئاسىيلىق قىلىشى ئارقىسىدا كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولغان. 1846-يىلى 3-ئايدا ئىككى تەرەپ «لاھور شەرتنامىسى» نى تۈزگەن. شىك دۆلىتى سالاندا دەريا ۋادىسىنى بۆلۈپ بەرگەن ۋە كەشمىردىن مەھرۇم بولغان؛ ئەنگلىيىنىڭ شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئەمەلدارىنى قوبۇل قىلغان، دالىپ سىنگ ( Dalip Singh) نامدا يەنىلا پادىشاھ بولغان. (2) 1848 — 1849-يىللىرىدىكى ئۇرۇش. 1848-يىل 4-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇلتاندا ئەنگلىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. ئىككى نەپەر ئەنگلىيىلىك ئەمەلدار ئۆلتۈرۈلگەنلىكتىن، ئۇرۇش يەنىلا قوزغالغان. ئىككىنچى يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەنگلىيە قوشۇنى مۇلتاننى ئىشغال قىلىۋالغان ھەمدە 1-ئاينىڭ 13-كۈنى چىلىئانۋالا (Chilianwala) دا ۋە 2-ئاينى-ڭ 21-كۈنى گۇجارات ( Gujarat)تا شىك قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان، شىك قوشۇنى تەسلىم بولغان. 3-ئايدا ئەنگلىيە پەنجاپنى يۇتۇۋالغان. پادىشاھ دالىپ سىنگ بىكار قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن، ئەنگلىيىنىڭ يۈز يىل داۋام قىلىپ كەلگەن ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇش ئىشى ئاخىرلاشقان.

شىگانا ئوكانا

  • شىگانا ئوكانا[يەشمىسى:]1883 — 1971) ياپونىيىلىك يازغۇچى. بىلىم يۇرتىدا ئوقۇغان ھەمدە توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى تۈگەتكەن.1910-يىلدىكى «ئاق قېيىن» ژۇرنىلىنى چىقارغۇچىلارنىڭ بىرى. ھېكايە يېزىقچىلىقىغا ماھىر بولۇپ، دەسلەپكى ئەسەرلىرىدىن «تورغا چۈشۈش»، «ئادالەتچىلەر»، «سېبېئى ۋە قاپاق» قاتارلىقلارنىڭ ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، كۆپ خىل؛ يەنە«ياخشى ئەر-خوتۇنلار»، «ئاكاشى كېتەي»، «شاگىرتنىڭ پەرىشتىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى مول رېئالىزملىق تۈسىگە ئىگە. تەرجىمىھال خاراكتېردىكى ھېكايىسى «يارىشىش» دا، ئەدەب-ئەخلاق مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان. ئۇنىڭ بىردىنبىر رومانى «زۇلمەتلىك كېچىدىكى سەپەر» ناملىق رومانى بولۇپ، نۇقتىلىق ھالدا پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە جىم بولۇۋالغان. ئۇرۇشتىن كېيىن «كۈل رەڭ ئاي»، «بۇزۇلغان دوستلۇق رىشتىسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. 1941-يىلى ئىمپېرىيە سەنئەت ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1949-يىلى مەدەنىيەت ئوردېنىغا ئېرىشكەن. توكيودا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. كېيىن ئۇنىڭ 17 توملۇق «شىگانا ئوكانا ئەسەرلىرى» ۋە بىر توملۇق «شىگانا ئوكانا خەت-چەكلىرى» نەشىر قىلىنغان.

شىگې خىكارىنو

  • شىگې خىكارىنو[يەشمىسى:]1887 —1957) ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى. 1911-يىلى توكيو ئىمپېرىيە داشۆسىدە قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئۇزۇن مۇددەتكىچە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىدە خىزمەت ئىشلىگەن. 1931-يىلى جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان،«28-يانۋار» ۋەقەسىدىن كېيىن جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسى ھۆكۈمىتىگە تەھدىت سېلىپ «سۇڭخو ئۇرۇش توختىتىش شەرتنامىسى» ئىمزالاتقان. كېيىن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىدە مۇئاۋىن ۋەزىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1936-يىلى 11-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان، 1938-يىلى 10-ئايدا ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1942-يىلى 1-ئايدا ۋاڭ جىڭۋېي قورچاق ھاكىمىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولۇپ، قورچاق تەشكىلاتنى كونترول قىلغان. 1943-يىلى 4-ئايدىن 1945-يىلى 4-ئايغىچە تويۇجى، كوجىينېدىن ئىبارەت ئىككى نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېتنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى، كوجىينې ئىچكى كابىنېتتا بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا قوشۇمچە ۋەزىرى بولغان. 1945-يىل 8-ئاينىڭ 17-كۈنى خىگاشى كۇرې ئىچكى كابىنېتتا تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ۋەكىل بولۇپ شەرتسىز تەسلىم بولۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان (9-ئاينىڭ 2-كۈنى). كېيىن بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنغان.1948-يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتتا يەتتە يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان.1950-يىلى قاماقتىن كېپىلگە بېرىلگەن. 1952-يىلى ئىسلاھات پارتىيىسىنىڭ لېدىرلىقىغا سايلانغان. 1954-يىلى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى بولغان. 1954-يىلى 12-ئايدىن 1956-يىلى 12-ئايغىچە ئۈچ قېتىملىق خاتوياما ئىچكى كابىنېتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ھەمدە ئىككىنچى، ئۈچىنچى قېتىملىق ئىچكى كابىنېتتا قوشۇمچە مۇئاۋىن باش ۋەزىرى بولغان. «دىپلوماتىيە ئەسلىمىلىرى»، «جياۋخى يىلىدىكى غەليان» ۋە «ئۆردەك يوقىتىش خاتىرىلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

شىگېنوئاكى

  • شىگېنوئاكى[يەشمىسى:]1827 — 1910) ياپونىيىلىك تارىخشۇناس. ئەدەبىيات دوكتورى. ئىسمى جىنورى، لەقىمى نارىيو، ئادەتتىكى نامى ئاسۇكوكا، كامو ۋاساللىق تۆرىسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1848-يىلى ناگايىسېدا ئوقۇغان. مېيجى يىللىرى، 1875-يىلى تارىخ تۈزۈش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، 1877-يىلى تارىخ تۈزۈش مەھكىمىسىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تۈزۈش-تۈزىتىش ئەمەلدارى بولۇپ «بۈيۈك ياپونىيە يىلنامىسى» نى تۈزۈپ چىققان، 1886-يىلى ئىچكى كابىنېتنىڭ ۋاقىتلىق تارىخ تۈزۈش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان، 1887-يىلى ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ پروفېسسورى، قوشۇمچە ۋاقىتلىق يىلنامە تۈزۈش ئورنىنىڭ مۇدىرى بولغان. كۇمېكۇنېي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە غەربنىڭ تارىخشۇناسلىق نەزەرىيىسىنى پائال تۈردە كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئىمپېرىيە داشۆسى (ھازىرقى توكيو داشۆسى) دە دۆلەت تارىخى بۆلۈمىنى تەسىس قىلغان ھەمدە مەملىكەتلىك تارىخشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ياپونىيە يېقىنقى زامان تارىخشۇناسلىقىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان. خەنزۇچە شېئىرلارنى يېزىشقا ئۇستا. ئاساسلىق تارىخىي ئەسەرلىرىدىن «دۆلەت تارىخىدىن ئۆرنەك»، «بۈيۈك ياپونىيە يېڭىلىققا كۆچۈش تارىخى»، «يوشكىكونىڭ تەرجىمىھالى»، «دۆلەت تارىخى توغرىسىدا ئومۇمىي تېزىس» ۋە «نارىيو ئەسەرلىرى» قاتارلىقلار بار. كېيىن «دوكتور شىگېنونىڭ تارىخشۇناسلىققا ئائىت ئىلمىي ماقالىلىرى توپلىمى» نەشىر قىلىنغان.

شىڭخەيجۇ(كاتسۇئۇمىفۇ)

  • شىڭخەيجۇ(كاتسۇئۇمىفۇ)[يەشمىسى:]1823 — 1899) ياپونىيە ئېدونىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى شوگنات ئەمەلدارى. شوگناتنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى بەرپا قىلغۇچى. ئېدودا تۇغۇلغان. شوگۇنلۇقتىكى تۆۋەن قاتلام خۇسۇسىي ئەسكەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئادەتتە رىنتارو دەپ ئاتالغان، ئىسمى يىباڭ، ئەنفاڭ قورۇقچىسى بولغانلىقتىن ئەنفاڭ دېگەننى ئىسىم قىلىۋالغان، خەيجۇ ئۇنىڭ لەقىمى. 1856-يىلى خى-روسىما دېڭىز ئارمىيىسى تەلىم-تەربىيە ئورنىغا كىرىپ تەلىم ئالغان. ئىككى قېتىم (1864 — 1866) ھەربىي پاراخوت قوماندانى بولغان. شوگنات دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇرغان. 1868-يىلنىڭ باشلىرى دېڭىز ئارمىيە لېدىرلىقىغا يۆتكەلگەن. ۋۇچىن ئۇرۇشى ۋاقتىدا، توكۇگاۋا كېيكىغا ۋەكالىتەن رېفورما ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى شىشياڭ لوڭشېڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئېدو شەھىرىنى تىنچلىق بىلەن ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مېيجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا خارجى ئىشلار ۋەزىرى، ھەربىي ۋەزىر، يانداش دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1887-يىلى گرافلىق مەرتىۋىسى بېرىلگەن. 1888-يىلدىن باشلاپ زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. ئۇنىڭ «دېڭىز ئارمىيىسى تارىخى»، «قۇرۇقلۇق ئارمىيە تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. كېيىن «خەيجۇ ئەسەرلىرى» دىن 10 توم نەشىر قىلىنغان.

شىلەپىچىلەر

  • شىلەپىچىلەر[يەشمىسى:]شۋېتسىيىنىڭ «ھۈرلۈك دەۋرى» (1718 — 1772) دىكى ئىككى چوڭ پارتىيىنىڭ بىرى بولۇپ، سىياسىتى مۇتەئەسسىپ بولغانلىقتىن «قالپاق» قا تەمسىل قىلىنىپ، «شەپكىچىلەر» دەپمۇ ئاتالغان. ئاساسلىق رەھبىرى ئارۋىد خورن (Arvid Horn). ئەمەلدار ۋە راھىبلار سىنىپىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، بىر قىسىم شەھەر ئاھالىسى ۋە دېھقانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1738-يىلى خورن ھۆكۈمەت ئىشلىرى ۋەزىرلىك خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ، ھاكىمىيەت شىلەپىچىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. كېيىن ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان شىلەپىچىلەرنىڭ مالىيە جەھەتتىكى ئېغىر سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، 1765-يىلى يەنە ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىۋالغان. 1768-يىلى ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش ئىشىدا مەغلۇپ بولغانلىقى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىنچىلىق يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن ھاكىمىيەت يەنە شىلەپىچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن. 1771 — 1772-يىللىرى يەنە ھاكىمىيەت سورىغان. 1772 -يىل 8-ئاينىڭ 19-كۈنى گوستاف Ⅲ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ھۈرلۈك دەۋرىگە خاتىمە بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن شىلەپىچىلەرمۇ تارقىلىپ كەتكەن.

شىلەپىلىكلەر

  • شىلەپىلىكلەر[يەشمىسى:]شۋېتسىيىنىڭ «ئەركىنلىك دەۋرى» (1718 — 1772) دىكى ئىككى چوڭ پارتىيىنىڭ بىرى. مۇتەئەسسىپ «شەپكىلىكلەر» دىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق نام بېرىلگەن. ئاساسلىق رەھبەرلىرى كارل گىللېنبورگ(Carl Gyllenborg)، كارل گۇستاف تېسىن (Carl Gustaf Tessin، 1695 — 1770) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. تۆرىلەر، توپ مال تارقاتقۇچى سودىگەرلەر ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. مىركانتلىزم پرىنسىپىنى ۋە روسىيىگە قارشى تۇرۇپ فرانسىيە بىلەن يېقىنچىلىق قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق شۋېتسىيىنىڭ بالتىق دېڭىزىدىكى ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. كارل گىللېنبورگ 1739-يىلى باش دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى بولغاندىن كېيىن فرانسىيە بىلەن رەسمىي ئىتتىپاق تۈزگەن ھەمدە 1741-يىلى روسىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىپ يېڭىلگەن. كېيىن يەتتە يىللىق ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقى ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى پارتىيىلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك دە-تالىشى ھەم مالىيە قىيىنچىلىقى سەۋەبلىرىدىن 1765-يىلى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان. بۇ پارتىيە 1768 — 1771-يىللىرى يەنە بىر قېتىم ھوقۇق تۇتقان بولسىمۇ، تەسىرى زور بولمىغان.

شىللېر

  • شىللېر[يەشمىسى:]Johann Christoph Friedrich Von Schiller، 1759 — 1805) گېرمانىيىلىك شائىر، دراماتۇرگ. دوختۇر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1767-يىلى لاتىن تىلىدىكى مەكتەپتە ئوقۇغان. 1773-يىلى ھەربىي شۆيۈەنگە كىرىپ قانۇن ۋە دوختۇرلۇقنى ئۆگەنگەن. 1780-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شتۇتگارتتا ھەربىي دوختۇر بولغان. ياشلىق دەۋرىدە بوران ھەرىكىتىدىكى ئاساسىي ۋەكىل خاراكتېرلىك يازغۇچى بولغان. 1781-يىلى «قاراقچى» دېگەن تۇنجى تراگېدىيىلىك ئەسىرىنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭدا فېئوداللىق جەمئىيەتكە قارشى ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلغان بىر جەسۇر ياشنى قىزغىن مەدھىيىلىگەن، زالىم پادىشاھقا قارشى تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلغان. 1782-يىلى ئەسىرى سەھنىدە ئوينالغاندىن كېيىن، ئەكسىيەتچى دائىرىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقتىن، شۇ يىلى 9-ئايدا ۋيۇرتېمبېرگ-دىن قېچىپ چىقىپ، مانھېيىم ۋە مايىن دەرياسى بويىدىكى فرانكفورتتا سەھنە ئەسىرى يازغۇچىسى بولغان. 1781-يىلى «سۇيىقەست ۋە مۇھەببەت» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭدا ⅩⅧ ئەسىردىكى گېرمانىيە شەھەر ئاھالىسى بىلەن فېئودال ھۆكۈمرانلار ئوتتۇرىسىدىكى سىنىپىي زىددىيەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئېنگېلس بۇ ئەسەرنى «گېرمانىيە بويىچە سىياسىي خاھىشقا ئىگە تۇنجى سەھنە ئەسىرى» دېگەن. 1785-يىلى «شاتلىق كۈيى» دېگەن مەشھۇر شېئىرىنى ئېلان قىلغان، كېيىن ئۇ بىتخوۋىن تەرىپىدىن توققۇزىنچى سىمفونىيىنىڭ ئاساسىي ناخشىسى قىلىنىپ دۇنياغا داڭق چىقارغان. 1787-يىلى فېئودال مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرىدىغان، پىكىر ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىدىغان «دون كارلوس» دېگەن سەھنە ئەسىرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەخسۇس تارىخ تەتقىقاتىغا بېرىلگەن. 1789-يىلى يېنا داشۆسىنىڭ تارىخشۇناسلىق دوتسېنتى بولغان ھەمدە «نېدېرلاندىيىنىڭ مۇستەقىللىك تارىخى»، «30 يىللىق ئۇرۇش تارىخى» دېگەن تارىخىي ئەسەرلەرنى يازغان. 1789-يىلىدىكى فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنى قىزغىن ئالقىشلىغان، 1792-يىلى 8-ئايدا فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەخرىي پۇقراسى دېگەن نامغا ئىگە بولغان. كېيىن ياكوبىن دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرۇش تەرەپكە ئۆتكەن. 1794-يىلدىن كېيىن، گېتې بىلەن يېقىن ئالاقە قىلغان، ئۇنىڭ بىلەن بىللە «دەۋر ئىلاھەسى» دېگەن ژۇرنالنى چىقارغان، ۋېيمار تىياتىرىغا بىرلىكتە رەھبەرلىك قىلغان. گيوتېنىڭ تەسىرى بىلەن يېڭى ئىجادىيەت دولقۇنى مەي-دانغا كەلگەن. 1799 -يىلى «ۋاللېنىستېيىن»(Wallenstein)دېگەن ئۈچ قىسىملىق تارىخىي سەھنە ئەسەرنى پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭدا ئۆزىنى گېرمانىيىنىڭ بىرلىكىگە بېغىشلىغان خالىس جەڭچىلەرنى مەدھىيىلەپ، تارىخىي چىنلىقنى رېئالىزملىق بەدىئىي ئۇسۇل بىلەن كۆرسىتىپ بەرگەن. ناپولېئون بېسىپ كىرگەن مەزگىلدە، «ئورلېئان قىزى» ۋە «ۋىليام تىيۇر» دېگەن ئىككى ۋەتەنپەرۋەرلىك سەھنە ئەسىرى يېزىپ، كەڭ نېمىس خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى قوزغىغان. ئۆمۈرۋايەت نامرات ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىنسانىيەتكە مول ئەدەبىي مىراس قالدۇرغان.

شىلىفېن

  • شىلىفېن[يەشمىسى:]Alfred Graf Von Schlieffen، 1833 — 1913) گېرمانىيە مارشالى، ھەربىي نەزەرىيىچى. 1863-يىلى گېرمانىيە ئارمىيىسى باش شتابىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. پرۇسسىيە- ئاۋسترىيە ئۇرۇشى (1866) ۋە پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى (1870 — 1871) غا قاتناشقان. 1891 — 1905-يىللىرى باش شتاب باشلىقى بولغان. مولتكې (H.K.Moltke) نىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتابىغا بىر تۈركۈم ئوفىتسېرلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن. ئۇنىڭ 1905-يىلى تۈزگەن «شىلىفېن پىلانى» بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيىنىڭ ستراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ نۇسخىسى بولغان. ئۇنىڭ ستراتېگىيىلىك ئىدىيىسى گېرمانىيىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ھەربىي سىياسىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. «ھازىرقى زامان ئۇرۇشى»، «قوماندان»، «كاننى ئۇرۇشى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

شىلىفېن پىلانى

  • شىلىفېن پىلانى[يەشمىسى:]گېرمانىيىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈزگەن ستراتېگىيىلىك پىلانى. 1905-يىلى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى شىلىفېن تۈزگەن. ئۇنىڭ ستراتېگىيىلىك نەزەرىيىسى تېز ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلىشتىن ئىبارەت. گېرمانىيە شەرقىي ۋە غەربىي سەپلەردە ئوخشاش بىر ۋاقىتتا روسىيە بىلەن فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش ئاچقاندا، ستراتېگىيىلىك مۇھىم نۇقتىسىنى غەربىي سەپكە قويۇپ، شەرقىي سەپتە مۇداپىئەلىنىشى كېرەك. ئالدى بىلەن غەربىي سەپتە كۆپ قىسىم ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ، ئالدىن قول سېلىش ۋاسىتىسى بىلەن 4 — 6 ھەپتە ئىچىدە فرانسىيىنى يېڭىش، ئاندىن كېيىن پۈتۈن كۈچ بىلەن روسىيىگە زەربە بېرىپ، 3 — 4 ئاي ئىچىدە پۈتكۈل ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك، دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان. شۇڭلاشقا بۇ پىلاندا غەربىي سەپكە %85 ئەسكىرىي كۈچىنى، يەنى 78 دىۋىزىيىنى كىرگۈزۈش ھەمدە مېش (Mesch) نى مەركەز قىلىپ، غەربىي سەپنى سول ۋە ئوڭ قاناتقا ئايرىپ، سول قاناتتىكى ئالساس-لورېيىن (Lorraine-Alsace) رايونىدا سەككىز دىۋىزىيىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، فرانسىيىنىڭ ئاساسىي كۈچىدىن مۇداپىئەلىنىش؛ ئوڭ قاناتتا 70 دىۋىزىيە ئورۇنلاشتۇرۇپ بىتەرەپ دۆلەت بېلگىيە ۋە گوللاندىيە ئارقىلىق فرانسىيىنىڭ شىمالىي چېگرىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈش؛ سېنا دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ پارىژنى قورشاش، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە شەرققە يۈزلىنىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ سول قانىتى بىلەن بىرلىكتە فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىگە قارىتا ئىسكەنجىلەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنى بىر يولىلا يوقىتىش بەلگىلەنگەن. دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسىدا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان مولتكې (H .J .Moltke) بۇ پىلاندىكى ئەسكىرىي كۈچلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا قارىتا بەزىبىر ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزگەن. 1914-يىلى 9-ئاينىڭ باشلىرىدا، گېرمانىيە ئارمىيىسى مارن ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ، ئۇرۇش مەيدانىدا تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. شۇنىڭ بىلەن شىلىفېن پىلانى بەربات بولغان.

شىمابارا، ئاماكۇسا قوزغىلىڭى

  • شىمابارا، ئاماكۇسا قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]ياپونىيە ئېدو دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى شىمابارا بىلەن ئاماكۇسا خەلقىنىڭ ھۆكۈمرانلارغا قارشى قوزغىلىڭى. ئېدو شوگونلۇقى قۇرۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ، بىر تەرەپتىن بېكىنىۋېلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان، يەنە بىر تەرەپتىن كاتولىك دىنى مۇرىتلىرىنى داۋاملىق باستۇرغان. شىمابارا يېرىم ئارىلى (ھازىرقى ناگاساكى ناھىيىسىگە تەۋە) ئەسلىدە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھنزىن ۋاسساللىقىنىڭ بېگى ئارىما جەمەتىنىڭ خوجىلىق زېمىنى بولۇپ، ئېدو شوگونلۇقى بۇ جاينى ئېكاكامى ۋاسساللىقىنىڭ بېگى ماتسۇكۇرا سگېماساغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن. ماتسۇكۇرا ئىزچىل ھالدا كاتولىك دىنى مۇرىتلىرىنى قاتتىق باستۇرۇپ، دېھقانلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىپ كەلگەن. ئاماكۇسا ئارىلى (ھازىرقى كۇماموتۇ ناھىيىسىگە تەۋە) ئەسلىدە دىندار ھنزىن ۋاسساللىقىنىڭ بېگى كونىچە جەمەتىنىڭ سۇيۇرغاللىق زېمىنى بولۇپ، شوگنات بۇ ئارالنى كاراتسۇ ۋاسساللىقىنىڭ بېگى — تېراساۋا خىروتاكانىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. تېراساۋامۇ يەرلىك دېھقانلارنى خارلاپ كەلگەن.1637-يىلى(كانناگانىڭ 14-يىلى) 10-ئايدا (قەمەرىيە) شىمابارا خەلقى ئاۋۋال قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، ئارقىدىنلا ئاماكۇسا خەلقىمۇ قوزغالغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭغا كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى قاتنىشىپلا قالماستىن بەلكى نۇرغۇنلىغان بۇددا مۇرىتلىرىمۇ قاتناشقان. ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن ماشتاتوكىسادا (ئاماكۇساشرۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى قوزغىلاڭغا يولباشچى قىلىپ سايلىغان. شوگنات ئىتاكۇراسىكمىماسانى قوشۇن باشلاپ قوزغىلاڭچىلارنىڭ بازىسى خاراكوشىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن. 1638-يىلى يېڭى يىلدا ئىتاكۇراغا ئوق تېگىپ ئۆلگەن. شوگنات يەنە ئۆزىنىڭ يېقىن ئەمەلدارى ماتسۇدا ئىرانوبۇتسۇنا قوماندانلىقىدا 124 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى قورشاپ ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن ھەمدە گوللاندىيە ھەربىي پاراخوتىنى سېتىۋېلىپ توپقا تۇتقۇزغان. قورغان ئېلىنغاندىن كېيىن، ئىككى جايدىكى قوزغىلاڭ قىلغان خەلق (ئاياللار بىلەن بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تىن جەمئىي 37 مىڭ كىشىنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلىغان.

شىمازاكى فۇجىمۇرا

  • شىمازاكى فۇجىمۇرا[يەشمىسى:]1872 — 1943) ياپونىيىلىك يازغۇچى ۋە شائىر. مېيجى قىزلار مەكتىپى، شەرقىي شىمال ئىنستىتۇتى ۋە كومورو دارىلئېتامىدا مۇئەللىم بولغان. دەسلەپ «يۇمران مايسىلار»، «يوپۇرماق قېيىق»، «ياز گىياھلىرى»، «تۆكۈلگەن قارىئۆرۈك» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىنى يېزىپ چىقىپ، مۇھەببەت، تەبىئەت ۋە دېھقانلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى تەسۋىرلەپ، فېئوداللىق ئاڭغا قارشى تۇرغان ۋە رومانتىزملىق تۈسكە ئىگە بولغان. كېيىنرەك نەسىر ۋە ھېكايىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، رېئالىزمچىغا ئايلانغان، ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى ئەسەرلىرىدىن: «ئەمرىمەرۇپلارنى بۆسۈش»، «باھار»، «ئائىلە»، «يېڭى ھايات»، «تاڭ ئالدىدا» قاتارلىق رومانلىرى بار. ھاياتىنىڭ كېيىنكى يىللىرى ياپونىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، ئىمپېرىيە سەنئەت ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. كېيىنرەك 18 توملۇق «شىمازاكى فۇجىمۇرا ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

شىمازو نارىياكىرا

  • شىمازو نارىياكىرا[يەشمىسى:]1809 — 1858) ياپونىيە توكۇگاۋا شوگونلۇقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۆتكەن ساتسۇما ۋاسساللىقىنىڭ بېگى. شىمازو نارىئوكى (ساتسۇما ۋاسسالنىڭ 10-ئەۋلاد بېگى) نىڭ چوڭ ئوغلى. 1851-يىلى مەنسەپكە ۋارىسلىق قىلغان. سائىگۇ تاكامۇرې، ئوكۇبو توشمىچى قاتارلىق ۋاسسال سىياسىنى ئىسلاھ قىلىش تەرەپدارلىرىدىن پايدىلىنىپ، سانائەتنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى باي قىلىش، ھەربىي كۈچنى كۈچەيتىش سىياسىتىنى يولغا قويغان ھەمدە توكۇگاۋا نارىياكى، ماتسۇ دائىرە قاتارلىق كىشىلەر بىلەن يېقىندىن ئالاقە ئورنىتىپ، كۈچلۈك ۋاسساللارنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىچىخاشى جەمەتىدىن توكۇگاۋا ئىشنوبۇنى سىياگۇنغا ۋارىسلىق قىلىشقا قۇتراتقان. ئىئى نائوسۇكې باش ئاقساقال بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ پىلانى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. ياسۇماسا جاھالەتچىلىكى ۋەقەسىدىن بۇرۇن كېسەل بولۇپ ئۆلگەن.

شىمال جەمئىيىتى

  • شىمال جەمئىيىتى[يەشمىسى:]روسىيە دېكابرچىلىرىنىڭ تەشكىلاتى. «دېكابرىستلار» غا قارالسۇن.

شىمالغا يۈرۈش قىلىش سىياسىتى

  • شىمالغا يۈرۈش قىلىش سىياسىتى[يەشمىسى:] ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق-كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى. «جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش سىياسىتى» گە قارالسۇن.

شىمالكادېن ئىتتىپاقى

  • شىمالكادېن ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]1531-يىلى گېرمانىيىنىڭ پروتېستانت دىنىدىكى كىنەزلىكلەر بىلەن ئىمپېرىيىگە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ شىمالكادېن (Schmalkalden، سابىق دېموكراتىك گېرمانىيىنىڭ زۇل رايونىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە) دا تۈزگەن ئىتتىپاقى. ئۇنىڭ مەقسىتى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىگە ۋە كاتولىك دىنىدىكى كىنەزلىكلەرگە قارشى چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ئورنى ۋە دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى مەزگىلىدە قولغا كەلتۈرگەن چېركاۋغا قاراشلىق يەرلىرىنى قوغداپ قېلىشتىن ئىبارەت. باشلىقلىرى ھېسسېن كىنەزى فىلىپ ۋە ساكسونىيە پادىشاھ سايلىغۇچى كىنەز جون فرېدرىخ قاتارلىقلار. ⅩⅥئەسىرنىڭ 30-، 40 -يىللىرى بۇ ئىتتىپاق گېرمانىيىدىكى مۇھىم بىر سىياسىي كۈچ بولۇپ قالغان. ئەمما ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئوخشاش بولمىغان دىنىي مەزھەپتىكى كىنەزلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى، كىنەزلىكلەر بىلەن شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىتتىپاقنى ئۈزلۈكسىز ئاجىزلاشتۇرغان. شىمالكالدېن ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ساكسونىيە كىنەزى مورىسنىڭ ئاسىيلىق قىلىپ ئۆز سېپىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشى تۈپەيلىدىن، ئىتتىپاق 1547-يىلى ئىمپېراتور چارلېس Ⅴ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. ئىتتىپاق شۇ يىلى تارقىلىپ كەتكەن.

شىمال ئۇرۇشى

  • شىمال ئۇرۇشى[يەشمىسى:]1700 — 1721-يىللىرى روسىيىنىڭ بالتىق دېڭىزى ئېغىزىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن شۋېتسىيە بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇش.1700 -يىلى 8-ئايدا روسىيە شۋېتسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 35 مىڭ كىشىلىك رۇس ئارمىيىسى نارۋا (Нарва) غا ھۇجۇم قىلىپ، كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولغان؛ روسىيىنىڭ ئىتتىپاقچىلىرى پولشا، ساكسونىيە ۋە دانىيىلەر مەغلۇپ بولۇش سەۋەبىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىققان. 1702-يىلى رۇس ئارمىيىسى قايتا ھۇجۇم قوزغاپ نوتېبۇرگ (Нотебург)، نىئېنشانس (Ниеншанц) ۋە نارۋىلارنى ئىشغال قىلغان. 1709-يىلى پولتاۋا ئۇرۇشىدا شۋېتسىيە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتكەن. پولشا، دانىيىلەر روسىيە بىلەن ئىتتىپاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قايتىدىن ئۇرۇشقا قاتناشقان. كېيىن خانگۆت دېڭىز ئۇرۇشى ۋە گرېنگام (Гренгам)دېڭىز ئۇرۇشىدا روسىيە فلوتى شۋېتسىيە فلوتىنى يەنە يەڭگەن. 1720-يىلى رۇس ئارمىيىسى شۋېتسىيىدە قۇرۇقلۇققا چىققان، كېيىنكى يىلى «نىشىتادت سۈلھ شەرتنامىسى» ئىمزالانغان. روسىيە بالتىق بويلىرىدىكى كەڭ رايونلارغا ۋە دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىغا ئىگە بولغان.

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدىنامىسى

  • شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدىنامىسى[يەشمىسى:] 1949-يىلى 4-ئايدا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليۇكسېمبۇرگ، نورۋېگىيە، پورتۇگالىيە، ئىتالىيە، دانىيە، ئىسلاندىيە ۋە كانادالار بىلەن ۋاشىنگتوندا ئىمزالىغان ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى. 1952-يىلى 2-ئايدا تۈركىيە، گرېتسىيە قاتناشقان. 1955-يىلى 5-ئايدا گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى قاتناشقان. 1982-يىلى 5-ئايدا ئىسپانىيە قاتناشقان. ھازىر جەمئىي 16 ئەزا دۆلەت بار. شەرتنامىدە: شەرتنامە تۈزگەن دۆلەتلەر «ئورتاق مۇداپىئە» نى يولغا قويۇش؛ شەرتنامە تۈزگەن دۆلەتلەر «قوراللىق ھۇجۇم» غا ئۇچرىسا، شەرتنامە تۈزگەن باشقا دۆلەتلەر «زۆرۈر دەپ ھېسابلىغان ھەرىكەت، جۈملىدىن قورال كۈچى ئىشلىتىش ھەرىكىتىنى قوللىنىش» دەپ بەلگىلەنگەن. ئەھدىنامە 1949-يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان. مەزكۇر ئەھدىنامىگە بىنائەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلغان. ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى مىنىستىرلار كېڭىشى بولۇپ، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ ھەربىي ئىشلار بويىچە مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى بولغان. ئۇنىڭ ئالىي قوماندانلىق شتابىغا ئامېرىكىنىڭ گېنېرالى باش قوماندان بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەر ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرغان ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلغان. مەزكۇر تەشكىلات ھەر يىلى كۆپ قېتىم ھەربىي مانېۋر ئۆتكۈزۈپ تۇرغان. ئەزا دۆلەتلەر مۇداپىئەنى كۈچەيتكەن ۋە ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كېڭىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن. باش شتابى بريۇسسېلدا تەسىس قىلىنغان.

شىمالىي روسىيە ئىشچىلار جەمئىيىتى

  • شىمالىي روسىيە ئىشچىلار جەمئىيىتى[يەشمىسى:]روسىيىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئىنقىلابىي ئىشچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى. 1878-يىلىنىڭ ئاخىرى ئوبنورسكى بىلەن خالتورىن تەرىپىدىن پېتروگرادتا قۇرۇلغان. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ پروگراممىسىدا ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولى تەكىتلەنگەن، ئىشچىلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى ھەمدە دېھقانلار بىلەن بىرلىشىشى، سىياسىي ھوقۇق ۋە سىياسىي ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشى، ئەڭ ئاخىرىدا «دۆلەت ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان سىياسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى» تەشەببۇس قىلىنغان. تەخمىنەن 200 دەك ئەزاسى بولغان. يوشۇرۇن باسمىخانىسى بولۇپ، «ئىشچىلار تاڭ نۇرى گېزىتى» نى نەشىر قىلغان. كۆپ قېتىم ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە باشقا شەھەرلەردىكى ئىشچىلار بىلەن ئالاقە ئورناتقان. 1880-يىلى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى روسىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مۇستەقىل تەشكىلات قۇرۇپ، سىياسىي كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلىپ يەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

شىمالىي ئافرىقا قۇرۇقلۇقىغا چىقىش جېڭى

  • شىمالىي ئافرىقا قۇرۇقلۇقىغا چىقىش جېڭى[يەشمىسى:] 1942-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى باشلانغان ئەنگلىيە-ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ فرانسىيىگە قارام شىمالىي ئافرىقا قۇرۇقلۇقىغا چىقىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان جېڭى.1942 -يىل 7-ئاينىڭ 24-، 25-كۈنلىرى ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا فرانسىيىدە ئىككىنچى سەپ ئېچىشنى كېچىكتۈرۈپ، «مەشئەل ھەرىكىتى» ناملىق شىمالىي ئافرىقا قۇرۇقلۇقىغا چىقىش جېڭى ئېلىپ بېرىشنى كېڭىشىپ بېكىتكەن. ئېيزېنخاۋېر ئىتتىپاقچىلار يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1942-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئەنگلىيە-ئامېرىكا بىرلەشمە قوشۇنى شىمالىي ئافرىقىدىكى ئالجىر، ئوران ۋە كاسابلانكا پورتلىرى ئارقىلىق قۇرۇقلۇققا چىققان. ئىتتىپاقچىلار ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىنكى ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولغان. 1943-يىل 5-ئاينىڭ 13 -كۈنىگىچە ئىتتىپاقچىلار ئارمىيىسى شىمالىي ئافرىقىدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسىنى تەلتۆكۈس تازىلاپ بولغان. ئەنگلىيە، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى غەلىبىسى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ قىشلىق ھۇجۇمىغا ماسلىشىپ، ئىتتىپاقچى دۆلەتلەرنىڭ ستراتېگىيىلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلىغان.

شىمالىي گېرمانىيە ئىتتىپاقى

  • شىمالىي گېرمانىيە ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن ماين دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى گېرمان شتاتلىرىنىڭ پرۇسسىيە باشچىلىقىدا قۇرغان ئىتتى-پاقى. 1866-يىل 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، بىسمارك پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن شىمالىي گېرمانىيىدىكى ھەرقايسى شتاتلارغا گېرمانىيە ئىتتىپاقىنى قۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن. 18 گېرمان شتاتى ۋە ئۈچ ئەركىن شەھەر (گامبۇرگ، بېرمېن ۋە لۇبېك) ئىتتىپاق تۈزۈش شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان. 9 — 10-ئايلاردا يەنە تۆت شتات قاتناشقان. 12-ئايدا شتاتلار ۋە ئەركىن شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى بېرلىندا شىمالىي گېرمانىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي قانۇن-لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، 1867-يىلى 4-ئايدا ماقۇللىغان(7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان). ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن، ئىتتىپاقتا ئىككى پالاتا تۈزۈمىدىكى پارلامېنت — ئىمپېرىيە پارلامېنتى بىلەن ئىتتىپاق پارلامېنتى قۇرۇلغان. يەنە پرۇسسىيىنىڭ گېرمانىيىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنى بېكىتىلگەن، پرۇسسىيە پادىشاھى ئىتتىپاقىنىڭ مىراس قالىدىغان دۆلەت باشلىقى ۋە ئالىي ھەربىي قوماندانى بولۇپ، دىپلوماتىيە، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق چوڭ ھوقۇقلارنى ئىگىلىگەن، پرۇسسىيە باش ۋەزىرى ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنىڭ باش ۋەزىرى بولۇپ، پەقەت ئىتتىپاق باشلىقى ئالدىدىلا جاۋابكار بولىدىغان، پارلامېنتقا جاۋابكار بولمايدىغان بولغان. 1867-يىلى يەنە باۋارىيە، ۋۇرتتېمبېرگ، بادېئى، ھېسېن -دارمىشىتادت قاتارلىق جەنۇبىي گېرمانىيە شتاتلىرى بىلەن ھەربىي كېلىشىم تۈزگەن ۋە زىچ ئىقتىسادىي ئالاقە ئورناتقان. 1871-يىلى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ ئىتتىپاق مەۋجۇت بولمىغان.

شىمالىي ماركⅩ

  • شىمالىي ماركⅩ[يەشمىسى:]ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گېرمانىيە فېئوداللىرى بېسىۋالغان پولاب سلاۋيانلىرى (ئاساسەن ليۇتىچىلار) نىڭ زېمىنىدا قۇرۇلغان چېگرا رايون. ئورنى ئېلبا دەرياسىنىڭ خاۋېل (Havel) دەرياسى ۋادىسىدا بولۇپ، ۋاسسال بەگ تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان. يەرلىك سلاۋيانلار تاجاۋۇزچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن نارازى بولۇپ، 983-يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، گېرمانلارنى ھەيدەپ چىقارغان. 1134-يىلى، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى لوتارⅡشىمالىي ماركنى سۇيۇرغال يەر سۈپىتىدە گېرمانىيە چوڭ فېئودالى ئالبرېختقا ھەدىيە قىلغان. 1150-يىلى ئالبرېخت بۇ رايوننى مەركەز قىلغان ھالدا براندېنبۇرگ بەگلىكىنى قۇرغان.

شىمالىي ۋە جەنۇبىي سۇلالىلەر

  • شىمالىي ۋە جەنۇبىي سۇلالىلەر[يەشمىسى:]1) 1336 — 1392-يىللىرىدىكى ياپونىيە مۇروماچى مەزگىلىدە ئىككى پادىشاھلىق ھۆكۈمرانىنىڭ قارشىلىشىش ۋەزىيىتى. 1336-يىلى كورىشىمونى كىيوسىيۇدىن ئەسكەر يۆتكەپ كيوتوغا بېسىپ كىرىپ تېننو گوتىخۇنى نەزەربەند قىلىپ، تېننو خوشىنىساۋنىڭ ئەۋلادى تېننو گۇاڭمىڭنى يۆلەپ تەختكە چىقارغان. تېننو گوتىخۇ جىيېگە قېچىپ بېرىپ ئوردا قۇرغان، ئۇ «جەنۇبىي سۇلالە» دەپ ئاتىلىپ، كيوتودىكى سۇلالە «شىمالىي سۇلالە» دەپ ئاتالغان.1339 -يىلى تېننو گوتىخۇ ئۆلۈپ كېتىپ، تەختكە تېننو خوسۇنشاڭ ۋارىسلىق قىلغان. جەنۇبىي سۇلالىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى بارا-بارا خارابلاشقان. شوگناتنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ ماجىرا يۈز بەرگەن، كورشىمونى يەنە جەنۇبىي سۇلالە بىلەن ئالاقە قىلىپ، 1351-يىلى شىمالىي سۇلالىنىڭ تېننوسى چوڭگۇاڭنى بىكار قىلىپ، ئىككىنچى يىلى شىمالىي سۇلالىدە تېننو خۇگۇاڭيەننى تەختكە چىقارغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىمالىي سۇلالىنىڭ ئورنى كۈچەيگەن. 1392-يىلى ئاشكاگا جەنۇبىي سۇلالىنىڭ تېننوسى خوگۇيشەننى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلغان، شۇنىڭ بىلەن شىمالىي سۇلالىنىڭ تېننوسى خوشياۋسۇڭ بىردىنبىر تېننو بولۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەرگە خاتىمە بېرىلگەن. ئىككى پادىشاھلىقنىڭ قارىمۇ قارشىلىقى ماھىيەتتە يەنىلا سامورايلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قارىمۇ قارشىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، كېيىن مۇروماچى شوگناتى پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. (2) ⅩⅥ ئەسىردىكى ۋيېتنامنىڭ جەنۇب بىلەن شىمال قارىمۇ قارشى بولغان ھاكىمىيەت. 1527-يىلى، كېيىنكى لى سۇلالىسىنىڭ زالىم ۋەزىرى مۇدىڭيوڭ تەختنى تارتىۋېلىپ، مۇ سۇلالىسىنى قۇرۇپ، خانۇينى پايتەخت قىلىپ، ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، شىمالىي سۇلالە دەپ ئاتالغان. مۇدىڭيوڭ تەختنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، لى سۇلالىسىنىڭ پېشقەدەم ۋەزىرى رۇەن جىن قاتارلىقلار ئەيلاۋغا قېچىپ بېرىپ، كۈچ تەشكىللەپ، 1533-يىلى لى جۇاڭزۇڭنى (لى نىڭ) تەختكە چىقىرىپ، ھاكىمىيەت قۇرۇپ، جەنۇبىي سۇلالە دەپ ئاتاپ، شىدۇنى (ھازىرقى چىڭخۇا) پايتەخت قىلىپ، چىڭخۇانىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئىككى سۇلالە ئۈزلۈكسىز ئۇرۇشقان. 1592-يىلى جەنۇبىي سۇلالىنىڭ سەركەردىسى جېن سوڭ خانۇينى ئىشغال قىلىپ، جەنۇبىي سۇلالە بىلەن شىمالىي سۇلالە تىركىشىپ تۇرۇش ھالىتىگە خاتىمە بەرگەن، لېكىن مۇدىڭيوڭ يەنىلا گاۋپىڭ ئەتراپىنى ئىگىلەپ، تاكى 1667 -يىلىغا بارغاندىلا ئاندىن يوقىتىلغان.

شىمالىي ياۋروپا كېڭىشى

  • شىمالىي ياۋروپا كېڭىشى[يەشمىسى:]شىمالىي ياۋروپادىكى دانىيە، ئىسلاندىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كېڭىشىش -مەسلىھەتلىشىش ئورگىنى. دانىيە، نورۋېگىيە، ئىسلاندىيە ۋە شۋېتسىيە ۋەكىللىرىنىڭ 1951-يىل 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ستوكھولمدا ئىمزالىغان «شىمالىي ياۋروپا كېڭىشى نىزامنامىسى» گە بىنائەن، 1953-يىل 2-ئاينىڭ 13-كۈنى كوپېنھاگىندا ئېچىلغان بىرىنچى نۆۋەتلىك يىغىندا رەسمىي قۇرۇلغان. فىنلاندىيە 1955-يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى قاتناشقان. كېڭەشنىڭ مەقسىتى شىمالىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە چېتىلىشلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشتىن ئىبارەت. كېڭەش ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتى ئەۋەتكەن 78 نەپەر ۋەكىل (ئىسلاندىيە ئالتە ۋەكىل، قالغان تۆت دۆلەتنىڭ ھەرقايسىسى 18 نەپەردىن ۋەكىل) دىن تەركىب تاپقان بولۇپ، قارىمىقىدا ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە مۇھىت، قانۇن، قاتناش ھەيئەتلىرى تەسىس قىلىنغان.

شىموياما ۋەقەسى

  • شىموياما ۋەقەسى[يەشمىسى:] ياپونىيە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تۆمۈريولنىڭ باشلىقى شىموياما سادانورىنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىك ۋەقەسى. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تۆمۈريول خىزمەتچىلىرىنى كۆپلەپ قىسقارتىش توغرىسىدا قارار قىلىنىپ، «دۆلەت تۆمۈريول» ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلەرنى قىسقارتىشقا قارشى كۈرەش ئېلىپ بارماقچى بولغان پەيتتە، 1949-يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى شىموياما سادانورى تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپ، ئىككىنچى كۈنى ئۇنىڭ جەسىتى چاڭپەن لىنىيىسىدىكى لېنلەي ۋوگزالىنىڭ ئەتراپىدىن تېپىلغان. بۇ دېلو ئۈستىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن دېگەن ئىككى خىل كۆزقاراش بولغان. دائىرىلەر ئۇزاق ئۆتمەيلا سۈرۈشتە قىلىشنى توختىتىپ، بۇ ۋەقەنى مىتاكا ۋەقەسىگە ئوخشاشلا سول قانات كۈچلەر پەيدا قىلغان تېررورلۇق ۋەقە دەپ قارىغانلىقتىن، شۇ چاغدىكى ياپونىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە «دۆلەت تۆمۈريول» ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتچىلەرنى قىسقارتىشقا قارشى كۈرىشى زور ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان.

شىنار

  • شىنار[يەشمىسى:]Shinar) «ئىنجىل» دا قەدىمكى مېسوپوتامىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى رايون — بابىلونىيە، يەنى بۈگۈنكى ئىراق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باغدادتىن تارتىپ پارىس قولتۇقىغىچە بولغان جايلارنىڭ ئاتىلىشى، بەزىدە يەنە پەقەت بابىلونىيىنىڭ جەنۇبىي قىسىم (پارىس قولتۇقىغا يېقىن) رايونلىرىنىلا كۆرسىتىدۇ.

شىن تۇن

  • شىن تۇن[يەشمىسى:]؟ — 1371) چاۋشيەندىكى ۋاڭ جەمەتى كورىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۆتكەن ۋەزىر. ئەسلى ئىسمى بيەنجاۋ. كىچىكىدە راھىب بولغان. كېيىن پادىشاھ گوڭ مىنۋاڭ (ۋاڭجۇەن، 1352 — 1374-يىللىرى تەختتە بولغان) نىڭ ئىشەنچسىگە ئېرىشىپ، خان ئۇستازى بولغان. ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاقسۆڭەك پومېشچىكلارغا زەربە بېرىدىغان ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. رەقىبلىرى ئۇنى شەھۋانە، خىيانەتچى، دۆلەت سىياسىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى، دەپ قارا چاپلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

شىنچيۇ (توخۇ) يىلىدىكى دىن ۋەقەسى

  • شىنچيۇ (توخۇ) يىلىدىكى دىن ۋەقەسى[يەشمىسى:] 1801-يىلى (شىنچيۇ — توخۇ يىلى) چاۋشيەندىكى كاتولىك دىنىنى چەكلەش ۋەقەسى. لى سۇەن ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە (1776 — 1800)، كاتولىك دىنىنىڭ چاۋشيەنگە تارقىلىشىنى چەكلىگەن. 1795-يىلى جۇڭگولۇق پاستېر جۈۋىنمۇ چاۋشيەنگە كېلىپ دىن تارقاتقان، مۇخلىسلىرى تېز كۆپەيگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى ئەدىب -ئالىملار ھەتتا خان جەمەتى ئاقسۆڭەكلىرى بولغان. لى گۇڭ (ئۆلگەندىن كېيىن بېرىلگەن نامى چۈنزۇ، 1801—1804-يىللىرى تەختتە تۇرغان) تەختكە چىققاندىن كېيىن، قاتتىق پەرمان چۈشۈرۈپ ئۇنى تېخىمۇ چەكلىگەن. جۈۋىنمۇ ۋە «ئىنجىل» نى چاۋشيەن تىلىغا تەرجىمە قىلغان ۋە كۈچەپ دىن تارقاتقان لى چىڭشۇن، لى جياخۇەن، دىڭ روجۇڭ قاتارلىق كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرگەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 50 — 60 كىشىمۇئۆلتۈرۈلگەن ياكى سۈرگۈن قىلىنغان. بىراق شۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم ئەسىر ۋاقىت ئىچىدە كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە دېگۈدەك تارقالغان.

شىنگەنخۇي ئۇيۇشمىسى

  • شىنگەنخۇي ئۇيۇشمىسى[يەشمىسى:]چاۋشيەندە ياپونىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدىكى مىللىي ئىسلاھاتچىلىق تەشكىلاتى. 1927-يىلنىڭ باشلىرى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى ھەر خىل خاھىشتىكى ھەرقايسى تەبىقىلەردىن كەلگەن. رەھبەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى مىللىي ئىسلاھاتچى. مىللىي مۇستەقىللىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، دەھشەتلىك كۈرەش داۋامىدا ئەزالارنىڭ بەزىلىرى تەۋرىنىپ ئاينىپ كەتكەن. لېكىن بىر قىسىم ئەزالىرى ياپونىيىگە قارشى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان.1931 -يىلى 5-ئايدا تارقىتىۋېتىلگەن.

شىنۋىي (قوي) يىلىدىكى ئەجنەبىيلەر پاراكەندىچىلىكى

  • شىنۋىي (قوي) يىلىدىكى ئەجنەبىيلەر پاراكەندىچىلىكى[يەشمىسى:]1871-يىلى (شىنۋىي — قوي يىلى)، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ۋەقەسى. 1866-يىلى ئامېرىكىنىڭ «گېنېرال سمىت» ناملىق قوراللىق سودا پاراخوتى چاۋشيەننىڭ تىدونگان دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ بۇلاڭچىلىق قىلغاندا، دېڭىز ياقىسىدىكى خەلق تەرىپىدىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ پاراخوتنى ئىزدەپ تېپىش باھانىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى فېردىناندلوۋ (Fredrick Ferdinandlow، 1828 — 1894) ۋە ئامېرىكا-ئاسىيا فلوتىنىڭ قوماندانى رودگېرىس (John Rodgers، 1812—1882) باشچىلىقىدا بەش ھەربىي پاراخوت بىلەن 1200 كىشىلىكتىن كۆپرەك تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنى ئەۋەتىپ، 1871-يىلى 4-ئايدا كاڭخا ئارىلى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، گۇاڭچىڭ بازىرىنى بېسىۋالغان. چاۋشيەن خەلقى باتۇرانە قارشىلىق كۆرسىتىپ، 40 كۈن جەڭ قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ چېكىندۈرگەن. كېيىن كىشىلەرنىڭ دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قوغداش كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا: «ئەجنەبىي ياۋلارنىڭ تاجاۋۇزى ئالدىدا ئۇرۇش قىلماسلىق سۈلھچىلىك بولۇر، سۈلھچىلىكنى تەشەببۇس قىلىش ۋەتەن ساتقۇچلۇق بولۇر، ئۇرۇق -ئەۋ- لادلىرىمىز بۇنىڭدىن مەڭگۈ ھەزەر ئەيلىگەي!» دەپ يېزىلغان «سۈلھچىلىكنى سۆكۈش ئابىدىسى» نى ئورناتقان. بۇ چاۋشيەننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى سىرتتىن كەلگەن دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش يولىدا ئېلىپ بارغان كۈرىشىنىڭ تۇنجى غەلىبىسى.

شىۋابېن

  • شىۋابېن[يەشمىسى:]Schwaben) ئوتتۇرا ئەسىردىكى گېرمانىيىدىكى بىر كىنەزلىك. ئۇنىڭ زېمىنى ھازىرقى ئىتتىپاق گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىنى، فرانسىيىدىكى ئالىساسېنى، شۋېتسارىيىنىڭ شەرقىي قىسمىنى ۋە ئاۋسترىيىنىڭ ئەڭ غەربىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگ-ە ئالىدۇ. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، بۇ رايون فرانكلار تەرىپى-دىنئىستېلا قىلىنغان. 843-يىلى چارلېس ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن، شەرقىي فرانك پادىشاھلىقىغا بۆلۈپ بېرىلگەن، Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كىنەزلىك بولغان. 1268-يىلى بىرنەچچە كىچىك كىنەزلىككە بۆلۈنگەن، مەسىلەن، ۋۇرتتېمبېرگ كىنەزلىكى، ئاۋگىسبۇرگ ئېپسكوپ رايونى ۋەھاكازالار. Ⅻ ئەسىردىن تارتىپ، ئاۋگىسبۇرگ، ئۇلم، كونستانز قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ سودا-سانائىتى جانلانغان.1376 -يىلى، يۇقىرىقى شەھەرلەر ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، شىۋابېن شەھەر ئىتتىپاقىنى قايتىدىن تۈزگەن. 1524 — 1525-يىللاردا گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىۋابېن رايونىدىكى دېھقانلار ھەممىدىن ئاۋۋال قوزغالغان.

شىۋابېن شەھەر ئىتتىپاقى

  • شىۋابېن شەھەر ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]گېرمانىيىنىڭ شىۋابېن رايونىدىكى ئۇلم (Ulm)، كونستانز، ئاۋگىسبۇرگ قاتارلىق 14 ئىمپېرىيە شەھىرى ئۇيۇشقان ئىتتىپاق. بۇ ئىتتىپاق 1331-يىلى قۇرۇلۇپ، ئارىلىقتا تارقىلىپ كەتكەن، 1376-يىلى قايتىدىن قۇرۇلغان. كىنەزلەرنىڭ ئېغىر بېجىغا ۋە رىتسارلارنىڭ بۇلاڭچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. 1377-يىلى ئىتتىپاقداش ئارمىيە رېئوتلىنگېندا (Reutlingen) گ-راف ۋۇرتتېمبېرگنىڭ قوشۇنىنى يەڭگەن. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپ قىسىم شىۋابېن شەھەرلىرى ئىتتىپاققا قاتناشقان. 1381-يىلى رېين شەھەر ئىتتىپاقى بىلەن قوشۇۋېتىلگەن، كېيىن فرانكنىيە، باۋارىيىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەر قوبۇل قىلىنغان، ئىتتىپاققا قاتناشقان شەھەر 80 نەچچىگە يەتكەن. 1388-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيە پادىشاھى، كىنەزلىكلەر ۋە رىتسارلار بىرلەشمە قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1389-يىلى تارقىلىپ كەتكەن.

شىۋابېن ئىتتىپاقى

  • شىۋابېن ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]1488-يىلى 2-ئايدا گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى شىۋابېن رايونىدىكى رىتسارلار ئىمپېرىيە شەھىرى ئېسسىلىنگېن (Esslingen، ھازىرقى ئىتتىپاق گېرمانىيىنىڭ بادېن-ۋۇئېرتتېمبېرگ شتاتىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە) بىلەن ئىتتىپاق بولۇپ ئۇيۇشقان، ئەسلىدە «خۇدانىڭ تىنچلىقى» نى قوغداش مەقسەت قىلىنغان، بۇنىڭغا كىنەزلەرمۇ قاتناشقان، ئەمەلىيەتتە ئۇ پادىشاھ سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە مائىنز باشچىلىقىدىكى كىنەزلەرنىڭ فېئوداللىق ئىمتىيازنى قوغدايدىغان قورالىغا ئايلانغان. بۇ ئىتتىپاقنىڭ قوراللىق كۈچلىرى (12 مىڭ پىيادە ئەسكەر بىلەن 1200 رىتسار) 1524 — 1525-يىللاردىكى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشىنى باستۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان. كېيىن دىنىي ئىسلاھاتتا، ئىچكى قىسىمدا ئىككى مەزھەپكە بۆلۈنۈپ كەتكەن، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيە پادىشاھى چارلېس Ⅴ نى قوللىغان، پروتېستانتقا ئېتىقاد قىلغۇچىلار شمال-كالدېن(Schmalkalden)ئىتتىپاقى بىلەن بىرلەشكەن. 1534-يىلى بۇ ئىتتىپاق پارچىلانغان. 

شىۋارزېنبېرگ

  • شىۋارزېنبېرگ[يەشمىسى:]Felix Ludwig Johann Friedrich Schwar zenberg، 1800 — 1852) ئاۋسترىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1848 — 1852). 1826-يىلى لوندونغا ئەلچى بولۇپ بارغان. 1838 — 1848-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، تۇرېن، پارما ۋە نېئاپول قاتارلىق جايلاردا ئەلچى بولۇپ تۇرغان. 1848-يىلى ئىتالىيە ئىنقىلابىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. شۇ يىلى يەنە ۋېنادىكى ئۆكتەبر قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيىنىڭ باش ۋەزىرى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى بولغان. «تۆمۈر قوللۇق» ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىپ، ئاۋسترىيە ئىنقىلابىنى باستۇرغان ھەمدە چارروسىيە ئارمىيىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ۋېنگرىيە ئىنقىلابىنى باستۇرغان. ئوتتۇرا ياۋروپادا ئاۋسترىيىنىڭ زوراۋانلىق ئورنىنى تىكلەش ئۈچۈن، پرۇسسىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، 1850 -يىلى 11-ئايدا، روسىيىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن، پرۇسسىيىنى «ئورمىيۇس كېلىشىمى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلىپ، ئاۋسترىيىنىڭ گېرمانىيە ئىتتىپاقىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتكەن. 

شېۋچېنكو

  • شېۋچېنكو[يەشمىسى:]Таrас Григорьевич Шевченко، 1814 — 1861) ئوكرائىنالىق شائىر، رەسسام، ئىنقىلابىي دېموكرات. يانچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، بالىلىق چېغىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، بالا مالايغا ئايلانغان. 17 يېشىدا پېتربۇرگقا بېرىپ زىننەت رەسىمى سىزىشقا شاگىرت بولغان. 1838-يىلى شائىر روكوۋسكى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە ئەركىنلىككە ئېرىشىپ، پېتربۇرگ گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىغا كىرىپ رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن ھەمدە شېئىر يېزىشقا باشلىغان. 1840-يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «كوبزار ناخشىچىسى» نى ئېلان قىلىپ، ئوكرائىن ئەمگەكچىلىرىنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. «گايداماكلار» داستانى (1841-يىلى) دا 1768-يىلىدىكى ئوكرائىنا دېھقانلار قوزغىلىڭىنى تەسۋىرلىگەن. ھەجۋىي شېئىرى «چۈش» ۋە قىسقا شېئىرى «كاپكاز» لاردا يانچىلىق تۈزۈمىنى سۆكۈپ، چارروسىيىنىڭ ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ زىندانى ئىكەنلىكىنى پاش قىلغان. 1845-يىلى گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، كىيېۋ داشۆسىنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1847-يىلى مەخپىي تەشكىلاتقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، دەسلەپ ئارمىيىگە ئەۋەتىلگەن، كېيىن سۈرگۈن قىلىنغان. بۇ مەزگىلدە «كىنەز قىزى»، «سۈرگۈندىكى مەھبۇس»، «چار پادىشاھ» داستانلىرىنى ۋە «سەنئەتكار»، «مۇزىكانت» پوۋېستلىرىنى يازغان. 1857-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 1859-يىلى ئوكرائىناغا قايتىپ بېرىپ، خەلقنى چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىتلىك تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرغان. 1861-يىلى پېتربۇرگتا كېسەلدىن ئۆلگەن. سىزغان رەسىملىرىنىڭ تولىسىدا ئوكرائىنا خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ئىپادىلەنگەن.

شۋېتسىيىنىڭ 1734-يىلىدىكى قانۇنى

  • شۋېتسىيىنىڭ 1734-يىلىدىكى قانۇنى[يەشمىسى:] يەنى شۋېتسىيە پارلامېنتى 1734-يىل 12-ئاينىڭ 13-كۈنى ماقۇللىغان يېڭى قانۇن. چارلېس Ⅺ نىڭ دەۋرىدىلا تۈزۈشكە كىرىشىلىپ، يۈز نەچچە يىللىق ئۆزگەرتىپ تولۇقلاش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن. 1736-يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلان قىلىنغان. جەمئىي 203 باب بولۇپ، نىكاھ، مال-مۈلۈك، ۋارىسلىق ھوقۇقى، يەر مۈلۈكچىلىكى، بىناكارلىق، سودا، جىنايى ئىشلار جىنايىتى ھەمدە سوتتا دەۋالىشىش تەرتىپى ۋە قائىدىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ شۋېتسىيىنىڭ قانۇن تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. 

شى فامىلىلىكنىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش خاتىرىسى

  • شى فامىلىلىكنىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش خاتىرىسى[يەشمىسى:] كىتاب نامى. چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھەجۋىي رومان. يەنە بىر نامى «جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش خاتىرىسى». جىنۋەنجۇڭ (1637 — 1692) يازغان. ئىككى ئاقسۆڭەكنىڭ شەھۋانىيلىق، ئەيش-ئىشرەتلىك ئائىلە تۇرمۇشى ۋە خوتۇن-توقاللار ئارىسىدىكى جېدەل-ماجىرالارنى تېما قىلىپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق، فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ چىرىكلىكى ۋە زاۋالغا يۈزلەنگەنلىكىنى پاش قىلغان. ئۇ ئوردا تۇرمۇشىدىكى تراگېدىيىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئىجاد قىلىنغان رېئالىزم خاھىشىغا ئىگە رومان بولۇپ، ئەسلى نۇسخىسى چاۋشيەنچە يېزىلغان، كېيىن ئاپتورنىڭ شىرەم نەۋرىسى جىن چۇنزې (1670 — 1717) تەرىپىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان، چاۋشيەندە ئىنتايىن كەڭ تارقالغان. 

شىيا مۇشۇشى (ناتسۇمى شۇكۇئىسو)

  • شىيا مۇشۇشى (ناتسۇمى شۇكۇئىسو)[يەشمىسى:]1867 — 1916) ياپونىيىلىك يازغۇچى. ئەسلى ئىسمى جىنجىجۇ. ئىمپېرىيە داشۆسى ئەنگلىيە ئەدەبىياتى بۆلۈمىنى پۈتتۈرگەن. 1900-يىلى ئەنگلىيىگە ئوقۇشقا بارغان. 1903-يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن توكيۇ داشۆسىدە لېكتور بولغان. 1907-يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، «كۈندىلىك خەۋەرلەر» نىڭ ئەدەبىيات بېتىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولغان. 1911-يىلى دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋاننى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. رېئالىست يازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىتابخانلار بەك ياخشى كۆرىدىغان نۇرغۇن ھېكايە، ئوبزور، ئەدەبىي پارچە ۋە شېئىرلارنى ئېلان قىلغان. ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى ئەسەرلىرى: «مەن مۈشۈك»، «ئاكام»، «سەنشىرو»، «ئۇنىڭدىن كېيىن»، «ئىشىك»، «يولدىكى ئوت-چۆپلەر» ۋە «ئاشكارا ۋە خۇپىيانە» قاتارلىقلار. كېيىن «شۇشى ئەسەرلىرى» چىقىرىلغان. 

شياڭزې(ئاسىۋا) ۋەقەسى

  • شياڭزې(ئاسىۋا) ۋەقەسى[يەشمىسى:]ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىكى خانپەرەس ئوفىتسېر ئاسىۋا سەنرونىڭ چاۋۇشچىلارنىڭ رەھبىرى ناگاتا تېتسۇزاننى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى. ناگاتا تېتسۇزان (1884 — 1935) 1934-يىلى 3-ئايدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتى ئىستروي ئىدارىسى باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى لىنشيەن شىلاڭنىڭ قوللىشى بىلەن خانپەرەسلەرنىڭ تەسىرىنى تازىلاشنى جىددىيلەشتۈرگەن. 1935-يىل 8-ئاينىڭ 12-كۈنى شياڭزې قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتى ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىگە ئۈسۈپ كىرىپ، ناگاتانى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرگەن. 1936-يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاسىۋاغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. 

شېيدېمان

  • شېيدېمان[يەشمىسى:]Philipp Scheidemann، 1865 — 1939)، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭقانات كاتتىباشلىرىنىڭ بىرى، ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى (1919-يىلى). كاسسېلدا تۇغۇلغان. 1903-يىلى كاسسېل سوتسىيال-دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن پارلامېنتقا كىرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى ئاكتىپ قوللىغان. 1918-يىلى پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، باۋارىيە شاھزادىسى ئىچكى كابىنېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. گېرمانىيىدە نويابىر ئىنقىلابى باشلانغاندىن كېيىن، سوتسىيال-دېموكراتلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەشكە قاتنىشىپ، ئىنقىلابىي ھەرىكەتنى شەپقەتسىزلىك بىلەن باستۇرغان. 1919-يىلى 2-ئايدا ۋېمار جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى زۇڭلىسى بولغان. شۇ يىلى 6-ئايدا «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى» غا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1920 — 1925-يىللاردا كاسسېل شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان. 1933-يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن. كوپىنھاگېندا ئۆلگەن. 

شيەنشەن ئارىلى

  • شيەنشەن ئارىلى[يەشمىسى:]چاۋشيەن كىيونسان-نامدو ۋىلايىتى توڭيىڭ ناھىيىسىنىڭ جۈيجى ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كىچىك بىر ئارال. جەنۇب دېڭىز ياقىسى سۇ يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى. رىنچېن ۋەتەن ئۇرۇشىدا چاۋشيەن بىلەن ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىلىرى جەڭ قىلغان ئاساسلىق جەڭ مەيدانى. 1592-يىلى (شۇەنزۇنىڭ 25-يىلى) 6-ئايدا، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ 73 دانە ھەربىي پاراخوتى (چوڭ پاراخوت 36، ئوتتۇرا تىپتىكى پاراخوتى 24، كىچىك تىپتىكى كېمە پاراخوتى) جۈيجى ئارىلىغا كەلگەن. 7-ئاينىڭ 7-كۈنى جيەن نايلياڭ (توڭيىڭ ناھىيىسى شيادىڭ يېزىسى دېخۇ مەھەللىسى) غا كېلىپ توختىغان. سىللا سول يۆنىلىش دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانى لى شۇنچىن، سىللا ئوڭ يۆنىلىش دېڭىز ئارمىيە قوماندانى لى يىچى، كىيۇنسان ئوڭ يۆنىلىش دېڭىز ئارمىيە قوماندانى يۇەنجۇنلار بىرلەشمە ھەربىي فلوتتا قوماندانلىق قىلىپ جەڭگە ئاتلانغان. ئىككىنچى كۈنى ئۇلار دۈشمەننى ئالداپ، جەننايىلياڭدىن شيەنشەن ئارىلى دېڭىز ئەتراپىغا ئېلىپ كەلگەن. چاۋشيەن دېڭىز ئارمىيىسى تۇرنا قانىتىسىمان سەپ تۈزۈپ تاشپاقا كېمىلىرىنى ئاۋانگارت قىلىپ، ياپونىيە فلوتىغا ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننىڭ جەڭگە كىرگەن ھەربىي پاراخوتلىرىدىن 59 (چوڭ تىپتىكى ھەربىي پاراخوت 35، ئوتتۇرا تىپتىكى پاراخوت 17، كىچىك تىپتىكى پاراخوت يەتتە) پۈتۈنلەي يوقاتقان، قالغان 14 پاراخوت چاۋشيەن ھەربىي فلوتىنىڭ قوغلىشى بىلەن ئالدىراپ-تېنەپ قېچىپ كەتكەن. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتىن تەڭلا بېسىپ كىرىشتىن ئىبارەت تاجاۋۇزچىلىق پىلانىنىڭ بىتچىت قىلىنىشى چاۋشيەننىڭ دېڭىز ئۇرۇشى تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىككىنچى يىلى لى شۇنچىن قوشۇمچە چۈنچوڭ، سىللا، كىيۇنسان قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش چاۋۇش بېگى بولغان. 7-ئايدا سىللا سول يۆنىلىش دېڭىز ئارمىيىسى گازارمىسىنى لىشۈيدىن شيەنشەن ئارىلىغا يۆتكەپ بىرلەشمە گازارما قۇرغان. ئەمما كېيىن لى شۇيچىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ زىندانغا تاشلانغان. 1597-يىلى (شۈەنزۇنىڭ 30-يىلى) يۈەنجۈن ئۈچ ۋىلايەت دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش چاۋۇش بېگىلىكىگە تەيىنلەنگەن، بۇ چاغدا چاۋشيەن دېڭىز ئارمىيىسى ياپونىيە دېڭىز فلوتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ پۈتۈنلەي گۇمران بولغىلى تاس قالغان، يۈەنجۈن قاتارلىقلار جەڭدە ئۆلگەن، كىيۇنسان ئوڭ يۆنىلىش دېڭىز ئارمىيە قوماندانى پېشې قاچقاندىن كېيىن شيەنشەن ئارىلى بىرلەشمە گازارمىسى كۆيدۈرۈۋېتىلىپ چۇللا-دو ۋىلايىتىگە چېكىنگەن. بۇ ئارالدىكى ھازىرقى يۇنشو تاڭ زالى ئەينى ۋاقىتتىكى لى شۇنچىننىڭ ھەربىي ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن قۇرغان بارگاھى ئىدى.