س🔗

س

سائاددىن

سائادىيلار سۇلالىسى

سابور Sabor

سابھا

ساپال پارچىسى بويىچە سۈرگۈن قىلىش ئۇسۇلى

ساپال قاچا

ساپپو

ساپىر

ساتراپىيە Satrapia

ساتمار سۈلھ شەرتنامىسى

ساتو ئېساكۇ

ساتۇرنىن

ساتياگراخا ھەرىكىتى

ساختا ئىسىدۇر دىنىي ئەمىر-پەرمانلار توپلىمى

سادات

سادوزايىلار سۇلالىسى

سادوۋا جېڭى

سادوۋېئانۇ

ساراسۋاتى

ساراسېنلار

ساراسېن ئىمپېرىيىسى

ساراي

ساراي ۋەزىرى

سارايېۋو ۋەقەسى

ساراي يىغىنى

سارتر

ساردېس

سارگونⅠ

سارگونⅡ

سارگېن

سارماتىلار

سار مەسىلىسى

سارمىيېنتو

سارنات

سارى

سارتسىن قوغداش جېڭى

سارىس

سازلىقچىلار

ساساكې سوئىچى

ساسانىيلار سۇلالىسى

سافارىك

ساففارىيلار سۇلالىسى

سافىيلار سۇلالىسى

ساكاتاما سائىچى

ساكاگىي قوۋۇقى ئۆزگىرىشى

ساكاموتورىئۇما

ساكدال پارتىيىسى قوزغىلىڭى

ساكسونلار

ساكسېن قانۇنى

ساكسېن قوزغىلىڭى

ساككو-ۋانزېتتى ۋەقەسى

ساكلار

ساكۇرادا دەرۋازىسى ئالدىدىكى ۋەقە

ساكۇنتالا

ساكېراي

ساكىس

ساكسېن خاندانلىقى

ساكسېن كىنەزلىكى

ساكيامۇنى

ساگا توپىلىڭى

ساگا ۋاسساللىقى

ساگناك

ساگائىڭ بەگلىكى

ساڭنى كۆيدۈرگۈچىلەر

سالازار

سالامى دېڭىز ئۇرۇشى

سالاھىددىن

سالتىكوۋ-شېدرىن

ساللۇست

سالوتى

سالونائې

سالىسبۇرىي

سالىك قانۇنى

ساماررا

سامارىيە

سامانىيلار سۇلالىسى

سام تاغام

سامودرا دۆلىتى

سامورى تۇرې

سامو كىنەزلىكى

سامۇ-ئەنگلىيە ئۇرۇشى

سامۇدرا گۇپتا

سامۇرايلار گۇرۇھى

سامۇرايلىق

سامۇ ۋاسساللىقى

سامۇئىل

سامنىلار

سامنى ئۇرۇشى

سامىتى

سامى فراشېرى

سامىن ھەرىكىتى

ساناجا

سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى

سانائەت ئىنقىلابى

سانائەت ئىنقىلابى

سان-پاۋلولىقلارنىڭ قۇل تۇتۇش قوشۇنى

سانتا ئانا

سانتا ئاننا

سانتاروسا

سانتاندىر

سانتايانا

سانت-جۇست

سانتو دومىنگو خىتابنامىسى

سانتوجىداي

سانتياگو خىتابنامىسى

سانتياگو رىتسارلار پولكى

سانجو سانېتومى

سانچى

سانچى ستۇپا

ساندبۇرگ

ساندىنو

ساندىيا مەدەنىيىتى

سان-ساناقسىز يوپۇرماقلار توپلىمى

سان-ستېپېن پادىشاھلىقى

سان ستېفانو سۈلھ شەرتنامىسى

سان-فرانسىسكو ياپونىيىگە قارىتىلغان سۈلھ شەرتنامىسى

سان-فرانسىسكو يىغىنى

سانكارا

سان مارتىن

سانو ئاكىياما

سان ئىلدېفونسو شەرتنامىسى

سائوماكوس

ساۋاركار

ساۋونارولا

ساۋوي خاندانلىقى

ساۋوي كىنەزلىكى

ساۋىن

ساۋىنى

ساي

سايادابات ئەھدىنامىسى

ساياسان

سايگو تاكامورى

سايگو تىسۇگۇمىچى

سايگون جېڭى

سايگون شەرتنامىسى

سايئونجى كىمموچى

سەرگەردان پرولېتارلار

سەرگەردانلار

سەرگەردانلار ئىتتىپاقى

سەككىز ئۆتكەل مۇراسىمى

سەلجۇق ئىمپېرىيىسى

سەنفۇچى

سەنۇسى

سەۋىيە جەمئىيىتى

سەئدى

سەي جېنجۇ

سەيلېندرا خاندانلىقى

سەيىد ئەخمەدخان

سەيىد-سەييىد

سەيىس-ئىنكۇئارت

سپارتا

سپارتاك قوزغىلىڭى

سپارتاك ئىتتىپاقى

سپارتالىقلار

سپاك

سپىتامېن قوزغىلىڭى

سپىتىسىن

سپېكې

سپېنسېر

سپا يىغىنى

سپىخالسكى

سپىنوزا

ستاخانوۋچىلىق ھەرىكىتى

ستالىن

ستالىنگراد ئۇرۇشى

ستامبولوۋ

ستامبولىيىسكىي

ستامپفلى

ستانكېۋىچ

ستانلېي

ستائۇففېنبېرگ

ستاۋىسكىي ۋەقەسى

ستەيىن

ست. بارتولومې پاجىئەسى

سترابون

ستراسبۇرگ قەسەمنامىسى

ستراففورد

سترالسۇند سۈلھ شەرتنامىسى

ستروسمايېر

ستروڭ

سترۇۋې

سترۇۋې

سترۇۋېچىلىق

سترېسا يىغىنى

سترېسېمان

سترىندبېرگ

ستننېس

ستورسكىفتې تۈزۈمى

ستوكھولم قانلىق دېلوسى

ستولبوۋو سۈلھ شەرتنامىسى

ستولېتوۋ

ستولىپىن

ستوۋاتسكى

ستوۋې

ستوئىكوئى ئېقىمى

ستويانوۋ

ستۇئارت سۇلالىسى

ستۇپا

ستۇم يىللىرى

ستېپان رازىن

ستېفان گېئورگىئۇ

ستېفېن

ستېفېنسون

ستېلىنگا قوزغىلىڭى

ستېندال

ستېۋان دۇشان

ستېۋان دۇشان قانۇنى

ستېۋان لازارېۋىچ

ستېۋان نېمانيا

ستېۋان ئۇروسⅢ

ستېۋېنسون

ستېيىنبېك

ستېيىن ئىسلاھاتى

ستىرنېر

سچۇئېروس

سراۋاستى

سسۇتىيە پادىشاھلىقى

سفىنكس

سكازكىن

سكامارلار ھەرىكىتى

سكاندىناۋىيە مەسلىكى

سكانې ئۇرۇشى

سكريابىن

سكليانسكىي

سكوۋورودا

سكۇپىشتنا قەتل قىلىش دېلوسى

سكىپىئو

سكىتاي پادىشاھلىقى

سكىتايلار

سگوت

سگوت دېلوسى

سگۇردىسسون

سلابھادرا

سلادىتيا

سلاۋېيكوۋ

سلاۋىيانلار

سلوۋاكلارنىڭ مىللىي قوزغىلىڭى

سلوۋاك ئىلمىي جەمئىيىتى

سلوۋاكىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى

سلۇيس دېڭىز ئۇرۇشى

سلېسىنگېر

سلېيدانۇس

سموللېت

سمولىنىي سارىيى

سمۇتس

سمېتانا

سنوۋ

سنېفرۇ

سنېلمان

سوبۇل

سوتسىيال پاتىسفىزم

سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى

سوتسىيال دېموكراتلار ئىتتىپاقى

سوتسىيال دېموكراتىزم

سوتسىيال شوۋىنىزم

سوتسىيالىزم

سوتسىيالىستلار پارتىيىسى

سوتسىيالىستلار پارتىيىسى خەلقئارا ئىشچىلار بىرلەشمىسى

سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن

سوتسىيالىستلار ئىنتېرناتسىئونالى

سوتسىيالىستىك ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالى

سوتسىيال ئىنقىلابچىلار پارتىيىسى (كادىتلار پارتىيىسى)

سوتۇنىئۇس

سوخە باتۇر

سودېت ۋەقەسى

سودېربلوم

سورېل

سورىياۋارمانⅡ

سوساي

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى

سوغدىيانا

سوغدى

سوفىستلار

سوفىيە چېركاۋى ۋەقەسى

سولچى سوتسىيالىستلار ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ توپىلىڭى

سولچى كوممۇنىزمچىلار گۇرۇھى

سولچىل ئاغمىچىلىق

سولف

سولفىرىنو جېڭى

سول قاناتلار ئىتتىپاقى

سوكرات

سوكودو پادىشاھلىقى

سوگا جەمەتى

سولمان

سولوگۇب

سولوموس

سولومون

سولون

سولوۋيوۋ

سولۇت مەدەنىيىتى

سۇماترا كېلىشىمى

سومالى دۆلىتى

سومما جېڭى

سوموزا جەمەتى

سونبرۇن سۈلھ شەرتنامىسى

سوندېربۇند

سونگاي پادىشاھلىقى

سۇچۇەن (مىناتوگاۋا) بىرلەشمە جېڭى

سوۋېت

سوۋېت، ئەنگلىيە، فرانسىيە ئۈچ دۆلەت سۆھبىتى

سوۋېت-چېخوسلوۋاكىيە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى

سوۋېت-فىنلاندىيە ئۇرۇشى

سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى

سوۋېت گراژدانلار ئۇرۇشى

سوۋېت-گېرمانىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى

سوۋېت ۋەتەن ئۇرۇشى

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېخوسلوۋاكىيىنى بېسىۋېلىش ۋەقەسى

سوۋېت-ياپونىيە ئۇرۇشى

سۈبھى

سۇتيەن جېن-رېن (ئاۋاتانائوختو)

سۇدرا

سۇرا بايا مۇداپىئە ئۇرۇشى

سۇراپاتى ئۇرۇشى

سۇر خاندانلىقى

سۇرگې

سۇرېئۇ

سۇرۇخ ئەلەم قوزغىلىڭى

سۇرىياۋارمانⅠ

سۇسا

سۇ سائىتى

سۇغدىيانا

سۇفۇكلېس

سۇفى مەزھىپى

سۇكارنو

سۇكرې

سۇكوتاي خاندانلىقى

سۇگىياماموتو

سۇڭ بىڭجۈن

سۇڭ شىلې

سۇلايمان

سۇلايمانⅠ

سۇلتان

سۇلتان ئاگۇڭ

سۇللا

سۇللىي

سۇلۇ دۆلىتى

سۇلۇق

سۇلىت

سۇماكۋېل

سۇمېر

سۇمېرلار

سۇمىتومو مالىيە ماگناتى

سۇن بىڭشى

سۇندا دۆلىتى

سۇندت

سۇندسۋالدىكى ئىش تاشلاش

سۇنديات-ا

سۇنگا سۇلالىسى

سۇننى ئەلى

سۇننى مەزھىپى

سۇ ئۈستى بىناكارلىقى

سۇ ئۈستىدىكى كامبۇدژا

سۇۋوروۋ

سۇۋېلەر

سۇيۇرغال بېگى

سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى

سۇيۇرغال يەر

سۇيۇرغال يەرگە ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى

سۈرگۈن قىلىشقا قارشى مېلبۇرن ئىتتىپاقى

سۈرىيە ئۇرۇشى

سۈرىيىدىكى 1925-يىلدىكى قوزغىلاڭ

سۈي جۇڭشيەن

سۈي جىيۇ

سۈي جىيۈەن

سۈي چوڭ

سۈي سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر

سۈي شىخېڭ

سۈي، مولار

سۈي نەنشەن

سۈي يوڭجيەن

سۈي يېشۈەن

سۋادېش

سۋاراج

سۋېتتېنبام

سۋېدبېرگ

سۋېردروپ

سۋېردلوۋ

سۋېنسكسوند جېڭى

سۋېن ھېدىن

سۋىفت

سۋىڭ ھەرىكىتى

سۋياتوسلاۋ ئىگورېۋىچ

سېپوي

سېتاتىرات

سېدا پارتىيىسى

سېدان تەسلىمى

سېر

سېرافىموۋىچ

سېربىيە پادىشاھلىقى

سېربىيە قوزغىلىڭى

سېربىيە ئۇيۇشمىسى

سېرپاپىنتو

سېرتورىئۇس

سېررايىللېر

سېرف

سېرۋانتېس

سېرۋېتوس

سېرۋى تۇللىئۇس

سېرىق لايىھە

سېرىق ئىنتېرناتسىئونال

سېزې رۇڭيى (شىبۇساۋا ئېيئىچى)

سېستېرتىئۇس

سېغىز تاختا ھۈججەتلىرى

سېكت

سېكىستوس ئىمپې-رىكۇس

سېكىگاخارا ئۇرۇشى

سېگفرېد مۇداپىئە لىنىيىسى

سېگنوبوس

سېلاسسېⅠ

سېلىق تەڭشەش قانۇنى

سەلىمⅠ

سەلىمⅢ

سېليوس پادىشاھلىقى

سېليۇكوسⅠ

سېماراڭ

سېمپلې

سېمېنس شىركىتى

سېمىستوكلى گرمېلى

سېنات

سېناناياك

سېنتۇرىلار قۇرۇلتىيى

سېنتۇرىيە يىغىنى

سېنت ۋىنسېنت دېڭىز تۇمشۇقى ئۇرۇشى

سېن رىكيۇ

سېن-سىمون

سېنسىمېنتو

سېنكىيېۋىچ

سېن ئوئۇۋەي (مورىكامومېتو)

سېنېكا

سېئول شەرتنامىسى

سېۋاستوپول قوزغىلىڭى

سېۋاستوپول مۇداپىئە ئۇرۇشى

سېۋېرۇس

سېۋرېس شەرتنامىسى

سېيېس

سىن. گېرمان سۈلھ شەرتنامىسى

سىئاك شەرتنامىسى

سىبارس

سىبېلىئۇس

سىبىرىيە خانلىقى

سىپېتلېر

سپېمان

سپېنگلېر

سىپتا تاش قوراللار

سىتائودېنگىر

سىتسىلىيە پادىشاھلىقى

سىتسىلىيە قوزغىلىڭى

سىتسىلىيە قۇللار قوزغىلىڭى

سىتسىلىيە كەچلىك ئىبادەت قوزغىلىڭى

سىتمىسونچىلىق

سىتۋان باتورى

ستىۋانⅠ

ستىۋانⅢ

ستېۋېنسون

سترائۇس

ستىلۋېل

ستىمسون

سىد

سىددارتا

سىدون

سىدنېي

سىراج ئۇد-دائۇلا

سىراسىيبۇلۇس

سىراكۇز

سىرتا

سىرلىق ئوردا

سىرېنې

سىرىكىسېترا خانلىقى

سۇرىل

سىرىۋىجايا

سىستوۋا سۈلھ شەرتنامىسى

سىسموندى

سىسۇتىيىلىكلەر

سىسېرو

سىففىن جېڭى

سىكوپاس

سىكىنگېن

سىگىسمۇند

سېلسىيە توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى قوزغىلىڭى

سىلدې

سىلسىيە ئۇرۇشى

سىللا

سىللانپا

سىلۋا

سىلۋاشاۋيېر

سىلېشېير

سىلىقلانغان تاش قورال

سىلىندىرسىمان تامغا

سىمخالا دۆلىتى

سىمون تەكشۈرۈش ئۆمىكى

سىموندس

سىمون دې مونتفورت

سىمونوۋ

سىممېرۋالد يىغىنى

سىمېدلى

سىمىس

سىمىس قانۇنى

سىمىس-كونالى قانۇنى

سىناگاۋا ۋەقەسى

سىندىكالىزم

سىندۇ

سېنتەبرىستلەر

سىنفېن پارتىيىسى

سىنكلېر

سىنگاپۇر

سىنگاسارى دۆلىتى

سىنوپې

سىنىپ

سىنىپىي كۈرەش

سىنىيوكسىن

سىۋاجى

سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ زاڭ بۆلۈشۈش تۈزۈمى

سىياسىي-ئىقتىساد مۇلاھىزىلىرى

سىيام

سىيام دۆلىتى

سىيرىيام جېڭى

سيۇرىخ ئۈچ كىشىلىك ئۆمىكى

سىيكېس-پىكوت كېلىشىمى

ئىزاھى

سائاددىن

  • سائاددىن[يەشمىسى:] (Saad al - din، 1536 — 1599) تۈركىيىلىك تارىخشۇناس. سۇلتان سۇلايمانⅠ نىڭ نەۋرىسى، ۋەلىئەھد مۇرادنىڭ ئاتابېگى بولغان. كۆپ توملۇق ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئومۇمىي تارىخى «تارىخنىڭ يۇقىرى پەللىسى» نى يېزىپ، ئۇنىڭدا ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ سەلىمⅠ نىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقانغىچە (1520) بولغان تارىخ بايان قىلىنغان. كېيىن بۇ كىتابنىڭ داۋامىنى ئوغلى پۈتتۈرگەن.

سائادىيلار سۇلالىسى

  • سائادىيلار سۇلالىسى[يەشمىسى:] ماراكەشتىكى ئەرەبلەر قۇرغان فېئودال خاندانلىق. سائادلار تەخمىنەن Ⅻ ئەسىردە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ماراكەشتىكى درا (Dra) دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى بوستانلىققا كۆچۈپ كەلگەن. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، «غازات» قوزغاپ، پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا زەربە بەرگەن، ئۇنى ھىمايە قىلغۇچىلار كۈندىن-كۈنگە كۆپەيگەن.1525-يىلى ماراكەشنى ئىشغال قىلغان. 1541-يىلى پورتۇگالىيە ئىشغال قىلىۋالغان ئاگادىر، سافى (Safi)، ئازېممۇر (Azemmour) قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى تايانچ نۇقتىلارنى قايتۇرۇۋالغان. 1548-يىلى فېسنى ئىشغال قىلغان. 1578-يىلى ئۈچ پادىشاھ ئۇرۇشىدا، پورتۇگالىيىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قوغدىغان. ئەھمەد مەنسۇر (Ahmed al - Mansur) تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (1578 — 1603) غەربىي ئافرىقىغا يۈرۈش قىلىپ، تىمبۇكتۇنى بېسىۋېلىپ، ئالتۇن سودىسى يولىنى كونترول قىلىپ، دۆلەتنى روناق تاپقۇزغان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، فېس سۇلتانلىقى ۋە ماراكەش سۇلتانلىقىغا بۆلۈنۈپ، خارابلىشىشقا قاراپ ماڭغان، كېيىن ئاراۋى خاندانلىقى ئورۇن ئالغان.

سابور Sabor

  • سابور Sabor[يەشمىسى:] نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ۋېنگرىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى خورۋاتىسكايا (كرودىيە) پارلامېنتىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، خورۋاتلار ۋېنگرىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئىنتايىن نارازى بولغان، ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى يەرلىك خەلقنىڭ ئىنقىلاب قوزغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 1868-يىلى بۇ رايون بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، خورۋاتلارنىڭ ئۆزىنىڭ پارلامېنتى بولغان سابورنى ئورنىتىپ، مەلۇم ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويغان. ۋېنگرىيە پادىشاھى تەيىنلىگەن خورۋاتلار باش ۋالىيسى مۇستەقىل مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزگەن. لېكىن خورۋاتلارنىڭ ۋېنگرىيىگە بولغان بېقىندىلىق ئورنىنى ئۆزگەرتمىگەن. تاكى 1918-يىلى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەنگە قەدەر، بۇ رايوندا مىللىي قارىمۇ قارشى كەيپىيات يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. 

سابھا

  • سابھا[يەشمىسى:] سانسىكرىتچە Sabha نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. «يىغىن زالى» دېگەن مەنىدە. قەدىمكى ھىندىستاندىكى ئارىيا قەبىلىسىنىڭ دېموكراتىك ئاپپاراتلىرىدىن بىرى. ئومۇمەن قەبىلىنىڭ كېڭەش يىغىنى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ قەبىلىدىكى ئاز سانلىق يۇقىرى قاتلام كىشىلەر يەنى مۆتىۋەرلەردىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ يەردە قەبىلە ئىشلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاريانلارنىڭ دەسلەپكى ۋېدا دەۋرىدە «پادىشاھ ھوقۇقى»غا قارىتا مەلۇم چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولغان؛ دۆلەت شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئاستا-ئاستا بىر خىل ئاقسۆڭەكلەر تەشكىلاتىغا ئايلانغان ياكى پادىشاھنىڭ مەسلىھەت ئاپپاراتى بولۇپ قالغان. 

ساپال پارچىسى بويىچە سۈرگۈن قىلىش ئۇسۇلى

  • ساپال پارچىسى بويىچە سۈرگۈن قىلىش ئۇسۇلى[يەشمىسى:] (Ostrakismos) «قۇلۇلە قېپى بويىچە سۈرگۈن قىلىش ئۇسۇلى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. قەدىمكى زاماندىكى ئافىنا پۇقرالىرى يىغىنىدىكى بىر خىل ئالاھىدە ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن كلېستېنېس ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە (ياكى ئۇنىڭدىن سەل كېيىنرەك) مەيدانغا كەلگەن. ئۇ زوراۋانلار سىياسىتىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان. يەنى ھەر يىلنىڭ بېشىدا پۇقرالار يىغىنى ئېچىلغاندا، بازار سودىسى ۋە باشقا پائالىيەتلەر پۈتۈنلەي توختىتىلىپ، ئافىنا پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى يىغىنغا قاتناشتۇرۇلغان. يىغىندا ئالدى بىلەن پۇقرالاردىن ساپال پارچىسى بويىچە سۈرگۈن قىلىشنى يولغا قويۇش زۆرۈر-زۆرۈر ئەمەسلىكى سورالغان، ئەگەر كۆپ ساندىكىلەر زۆرۈر دەپ ھېسابلىسا، ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنغا تەييارلىق كۆرۈلگەن. بۇ يىغىندا، پۇقرالار دۆلەتكە (دېموكراتىيە تۈزۈمىگە) زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن دەپ قارىغان ئادەمنىڭ ئىسمىنى ساپال پارچىسىغا يازغان؛ مەلۇم ئادەمگە بېرىلگەن ئاۋاز سانى يېرىمىدىن ئېشىپ كەتسە، ئادەتتە 6000 ئاۋازغا يەتسە (10 مىڭ دېگەن گەپمۇ بار)، 10 يىل چەت ئەلگە سۈرگۈن قىلىنغان، لېكىن مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنمىغان. مۇددىتى توشقاندا (بەزىلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن) ۋەتىنىگە قايتۇرۇلۇپ، پۇقرالىق سالاھىيىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. كېيىن ھەرقايسى سىياسىي گۇرۇھلار خۇسۇسىي مەنپەئەتنى دەپ دائىم بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنى چەتكە قېقىش مەقسىتىگە يەتكەن. ئافىنادىكى بەزى مەشھۇر سىياسىئونلار ۋە گېنېراللار، مەسىلەن، مىلتىئادېس، تېمىستوكلېس، ئارستېدېس، سىمون قاتارلىقلار سۈرگۈن قىلىنغان. قەدىمكى يۇناننىڭ باشقا شەھەر بەگلىكلىرى (مەسىلەن، ئارگوس) دىمۇ بۇ تۈزۈمنى يولغا قويغۇچىلار بولغان.

ساپال قاچا

  • ساپال قاچا[يەشمىسى:] سېغىز توپىدىن ياساپ، قۇرۇتۇپ، ئوتتا پىشۇرۇپ ئىشلەنگەن بۇيۇملار، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىر بېرىلىدۇ ياكى بېرىلمەيدۇ. كۆيدۈرۈش ھارارىتى ئومۇمەن سىلسىيە مىڭ گرادۇستىن تۆۋەن (600℃ — 800) بولىدۇ. سېغىز توپىنىڭ تەركىبىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ۋە كۆيدۈرۈش ئۇسۇلى ھەم ھارارەتنىڭ پەرقلىق بولۇشى ئارقىسىدا، كېسىكى قىزىل، كۈل رەڭ، ئاق قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ساپال قاچىلار ۋە بىللە دەپنە قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ساپال قاچىلار بار. ئۇ يېڭى تاش قورال دەۋرىدە كۆپلەپ مەيدانغا كېلىپ، شۇ چاغدىكى ئىنسانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش بۇيۇمى بولۇپ قالغان. ئارخېئولوگىيىدە ھەمىشەم ئۇنىڭ ياسىلىش تېخنىكىسى، شەكلى، نەقىشلىرى، كۆيدۈرۈش ئۇسۇلى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ، مەدەنىيەت تۈرى پەرق ئېتىلىدۇ، ياسالغان دەۋرى تەتقىق قىلىنىدۇ. 

ساپپو

  • ساپپو[يەشمىسى:] (Sappho، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرى-مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىر). قەدىمكى يۇنانلىق لىرىك شائىرە، لېسباۋ ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى مىتىرىندا تۇغۇلغان؛ مۇشۇ ئارالنىڭ غەربىدىكى ئېرېسوس (Eresos) تا تۇغۇلغان دېگەن گەپمۇ بار. مەرتىۋىلىك ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، ئالتە يېشىدا دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن. ئۈچ ئاكا-ئۇكىسى بار. ياش ۋاقتىدا يۇرتىدا سىياسىي ئۆزگىرىش بولۇپ، بىر مەھەل سىتسىلىيە ئارىلىدا پاناھلىنىپ تۇرغان. كېيىن قايتىپ كېلىپ، ئاياللار ئەدەبىيات تەشكىلاتىنىڭ مەركەزلىك ئادىمى بولۇپ قالغان، ئۇلار ئارىسىدا شېئىر ۋە مۇزىكا ئۆگەتكەن (قەدىمكى يۇنان لىرىكىلىق شېئىرلىرىنى مۇزىكىغا سېلىپ ناخشا قىلىشقا بولىدۇ). ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ھەسرەتلىك پۇراق بار، بۇ ئۇنىڭ ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى شېئىر بىلەن بايان قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك مەبۇدىسى ئافرودىتقا بېغىشلىغان ئەڭ داڭلىق مەدھىيىسىدە بۇ تەڭرىچىدىن ئۆزىنى بەختسىز مۇھەببەت ھەسرىتى ۋە ئازابىدىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ساپپو پائون (Phaon) غا ئاشىق بولۇپ قېلىپ، ئاخىرى ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلاپ ئۆلگەن؛ لېكىن ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا پائون پەقەت تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى شاگىرتى ئېرىننا (Erinna) ساقلاپ قالغان. كېيىن رەتلىنىپ توققۇز توملۇق شېئىرلار توپلىمى قىلىنغان، ھازىر ئۇنىڭ بەزى پارچىلىرىلا ساقلانغان (ئافرودىتقا مەدھىيە ئوقۇغان شېئىرى ئەڭ ئۇزۇن ئېسىل ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ). ساپپو بىلەن ئالكېئۇ (Alcaeus) لېسباۋ ئارىلىدىكى داڭلىق شائىر دەپ ئاتالغان.

ساپىر

  • ساپىر[يەشمىسى:] (Edward Sapir، 1884 — 1939) ئامېرىكىلىق تىلشۇناس. ئانتروپولوگ، گېرمانىيىدە تۇغۇلغان.1889-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغان. 1910 — 1925-يىللىرى كانادا دۆلەتلىك مۇزېيى ئىنسانشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1925 — 1931-يىللىرى چىكاگو داشۆسىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. 1931—1939-يىللىرى يېل داشۆسىنىڭ ئانتروپولوگىيە، تىلشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. شىمالىي ئامېرىكا ئىندىئانلىرىنىڭ تىلىنى ئالاھىدە تەتقىق قىلغان. ئىدىيىچى تىلشۇناسلىق ئېقىمىنىڭ ئاساسچىسى، شۇنداقلا شىمالىي ئامېرىكا تەسۋىرى تىلشۇناسلىق ئېقىمىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى. تىل بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى «يەرلىك ئامېرىكا مەدەنىيىتىنىڭ ۋاقتىنى ئېنىق بايقاش»، «تىل توغرىسىدا» قاتارلىقلار. 

ساتراپىيە Satrapia

  • ساتراپىيە Satrapia[يەشمىسى:] نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، مەنىسى مەمۇرىي ئۆلكە دېگەنلىك. قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىدىكى ئۆلكىنىڭ ئاتىلىشى. دارىئوس Ⅰ دەۋرىدىن باشلاپ بەرپا قىلىنغان. ئومۇمەن ئاھالىنىڭ ئىرقى تەركىبى ۋە تارىختا شەكىللەنگەن رايون بويىچە ئايرىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئىمپېرىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا پايدىلىق بولغان. پۈتۈن ئىمپېرىيە 23 ئۆلكە رايونىغا ئايرىلغان (بېخستۇن قىيا يېزىقىغا قارىغاندا) 29 ئۆلكە رايون دېگەن ماتېرىيالمۇ بار. ئۆلكە رايوننىڭ ھۆكۈمرانى ساتراپ (Satrap) يەنى باش ۋالىي دەپ ئاتالغان، ئۇ مەمۇرىي، ئەدلىيە ۋە باج ئېلىش چوڭ ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن، يارچەن قۇيغان، ئۇنىڭدىن باشقا ھەربىي رايون تەسىس قىلىنغان، ھەربىي ئىشلار ئەمەلدارى تۇرۇشلۇق ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلغان، باش ۋالىي بىلەن ھەربىي-مەمۇرىي ھوقۇقنى بۆلۈشۈۋېلىپ، بىر-بىرىنى تىزگىنلىگەن. باش ۋالىي بىلەن ھەربىي ئىشلار ئەمەلدارىنى پادىشاھ تەيىنلىگەن، ئۇلار پادىشاھقا قارىغان. شۇنداقلا يېقىنلىرىنى يەنى «پادىشاھنىڭ كۆز-قۇلاقلىرى»نى ئەۋەتىپ، جايلاردىكى ھەربىي-مەمۇرىي پائالىيەتلەرنى يوشۇرۇن نازارەت قىلىپ تۇرغان، ھەر-قايسى ئۆلكە رايونلىرى (پېرسىيە ئۆلكىسى بۇنىڭ سىرتىدا) ھەر يىلى مەركەزگە مەلۇم سېلىق تاپشۇرغان، ئومۇمىي مىقدارى 14 مىڭ 560 تالانتونغا يەتكەن (جەمئىي 400 توننىدىن ئارتۇق كۈمۈش بولىدۇ). كېيىن سېلېئۇسى، ئارساك ۋە ساسسانىيلار سۇلالىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تۈزۈمنى قوللانغان.

ساتمار سۈلھ شەرتنامىسى

  • ساتمار سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] 1711-يىلى ئاۋسترىيە بىلەن ۋېنگرىيە ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامە. ئاۋسترىيە ۋېنگرىيىدىكى «كرۇسى» (Cruciati) دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن، 1711-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا، ئاۋسترىيە كورۇلى يوسىف Ⅰ بىلەن ۋېنگرىيە ۋەكىلى ساتمار (Szatmar، ھازىرقى رومىنىيىدىكى ساتومارې Satu-Mare) دا سۈلھ شەرتنامە ئىمزالىغان. شەرتنامىگە ئاساسەن ۋېنگرىيە قوزغىلاڭچىلارنى قورالسىزلاندۇرۇش، ئاۋسترىيە كورۇلىغا سادىق بولۇشقا قەسەم بېرىشكە ماقۇل بولغان؛ ئاۋسترىيە بولسا ۋېنگرىيە ئاساسىي قانۇنى ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاقسۆڭەك قوزغىلاڭچىلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھەم ئۇلارنىڭ خوجىلىق يەرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە؛ «قانلىق سوت»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ماقۇل بولغان. ئاۋسترىيە يېڭى كورۇلى چارلېس Ⅵ تەختكە چىققاندىن كېيىن، 1712-يىلى تاج كىيىپ ۋېنگرىيە كورۇلى بولغان ھەمدە بۇ سۈلھ شەرتنامىنى تەستىقلىغان.

ساتو ئېساكۇ

  • ساتو ئېساكۇ[يەشمىسى:] (1901— 1975) ياپونىيە باش ۋەزىرى. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ لېدىرى(1964—1972). ياماگۇچى ناھىيىسىدىن. كىشنوبۇسۇكې (1896 —) نىڭ ئىنىسى. توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى تۈگەتكەن. ئۇزاق ۋاقىت تۆمۈريول ۋازارىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1946-يىلى تۆمۈريول باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1947-يىلى ترانسپورت ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1948-يىلى يوشىداشىگېرو مىنىستىرلار كابىنېتىنىڭ مەھكىمە باشلىقى بولغان. 1949-يىلدىن باشلاپ ئۇدا 11 قېتىم ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ھۈرىيەتچىلەر پارتىيىسى بىلەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىدە كۆپ قېتىم مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەن. پوچتا ئىشلىرى ۋەزىرى قوشۇمچە ئېلېكتر خەۋەرلىشىش ۋەزىرى (1951 — 1952)، قۇرۇلۇش ۋەزىرى (1952 — 1953)، مالىيە ۋەزىرى (1958 — 1960)، سودا-سانائەت ۋەزىرى (1961 — 1962) بولۇپ ئىشلىگەن. باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە، ئىچكى جەھەتتە ئاۋۋال يىرىك سانائەت بىلەن خىمىيە سانائىتىنى «يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلاندۇرۇش» دىن ئىبارەت ئىگىلىك سىياسىتىنى يولغا قويغان. تاشقى جەھەتتە «ياپونىيە-چاۋشيەن ئاساسىي شەرتنامىسى»نى ئىمزالىغان. «ياپونىيە-ئامېرىكا خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى» نىڭ مۇددىتىنى ئۆزلۈكىدىن ئۇزارتقان، ئامېرىكىغا يېقىنلىشىپ، جۇڭگوغا قارشى تۇرۇشتا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاتنىشىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن.

ساتۇرنىن

  • ساتۇرنىن[يەشمىسى:] (Lucius Appuleius Saturninus، مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 100) قەدىمكى رىم تېرىبون. مارىئۇنىڭ ئەگەشكۈچىسى. مىلادىدىن 103 يىل ئىلگىرى ۋە مىلادىدىن 100 يىل ئىلگىرى ئىككى قېتىم ترىبون بولۇپ، يەر قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ناربوننېدىكى گاللىيە ۋە شىمالىي ئافرىقىدا كۆچمەنلەر رايونى قۇرۇشنى، مارىئۇنىڭ كونا ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىرىگە «جامائەت يېرى»دىن 100 يۇگدىن بېرىشنى تەلەپ قىلغان (ھەر يۇگ تەخمىنەن چارەك گېكتارغا تەڭ كېلىدۇ)؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاشلىق قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نامرات پۇقرالارغا ئەرزان باھالىق ئوزۇقلۇق ئاشلىق تارقىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئاددىي خەلقمۇ پۇقرالىق ھوقۇقى يوقلارغا «جامائەت يېرى»نى بۆلۈپ بېرىشكە ئۇنىمىغان (مارىئۇنىڭ كونا ئەسكەرلىرى ئىچىدىكى ئىتالىيانلار «ئىتتىپاقداشلار»نىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى يوق ئىدى). دەسلەپ بۇنى مارىئۇ قوللىغان. قانۇن ماقۇللانغان بولسىمۇ، ئۇنى ئىجرا قىلىش تەس بولغان. مىلادىدىن 100 يىل ئىلگىرى كېيىنكى قېتىملىق خەلقنى قوغدىغۇچى ئەمەلدارنى سايلىغاندا، سىناتچىلار بىلەن ساتۇرنىنچىلار قوراللىق تۇتۇشۇپ قالغان. ھالقىلىق پەيتتە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەمەلدار مارىئۇ قوللىماي قويغان. ساتۇرنىن ئۆلگەندىن كېيىن، يەر قانۇنى بىكار قىلىنغان.

ساتياگراخا ھەرىكىتى

  • ساتياگراخا ھەرىكىتى[يەشمىسى:] گەندى بەرپا قىلغان غەيرىي زورلۇق كۈچ بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى. «ساتياگراخا» (Satyagraha) نىڭ مەنىسى «ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش» دېگەنلىك، شۇڭا يەنە «ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش ھەرىكىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى ھەرقانداق زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشكە قارشى تۇرۇش، رەزىللىككە غەيرىي زورلۇق كۈچ بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش، قارشى تەرەپنىڭ قەلبىنى مەنىۋى كۈچ بىلەن قايىل قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ گەندى مەسلىكىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى. 1894-يىلى گەندى جەنۇبىي ئافرىقىدا بۇ ھەرىكەتنى تۇنجى قېتىم قوزغاپ، ھىندىلارغا قارىتىلغان ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرغان. 1920-يىلى، گەندى بۇ ھەرىكەتنى ھىندىستاندىكى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشتە قوللىنىپ، پۈتۈن ھىندىستان بويىچە ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھىندىستان مىللىي ھەرىكىتىنى غايەت زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن غەيرىي زورلۇق كۈچ مەسلىكى مىللىي ھەرىكەتكە مەلۇم پاسسىپ تەسىرلەرنىمۇ كۆرسەتكەن.

ساختا ئىسىدۇر دىنىي ئەمىر-پەرمانلار توپلىمى

  • ساختا ئىسىدۇر دىنىي ئەمىر-پەرمانلار توپلىمى[يەشمىسى:] كاتولىك چېركاۋلىرىنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرى توپلىمى، مىلادى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا فرانسىيىدە مەيدانغا كەلگەن. تۈزگۈچىنىڭ تەخەللۇسى ئىسىدۇر مېركاتور (Isidorus Mercator). دىنىي ئەمىر-پەرمان، پاپانىڭ خەت-چەكلىرى، چېركاۋ قارارلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى پاپانىڭ چېركاۋ ئىشلىرىغا نىسبەتەن ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھوقۇقى بارلىقى ۋە مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەتلەردىن مۇستەقىل تۇرىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت. ئوتتۇرا ئەسىردە دائىم پاپا تەرىپىدىن دەھرىي پادىشاھلار بىلەن ھوقۇق تالىشىشنىڭ ئاساسى قىلىنغان. ⅩⅦ—ⅩⅥ ئەسىرلەردە ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشى ئارقىلىق بۇ ھۈججەتنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ساختا ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.

سادات

  • سادات[يەشمىسى:] (Mohamed Anwar el Sadat، 1918 — 1981) مىسىر زۇڭتۇڭى (1970 — 1981). ماننوفىيە ئۆلكىسى مېتىئابقۇم كەنتىدە تۇغۇلغان. 1936 — 1938-يىللىرى ھەربىي شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئالاقە قىسىملىرىدا ئوفىتسېر بولغان. 1942-يىلى ئەنگلىيىنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1949-يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ مۇخبىر، ھۆددىگەر ۋە شوپۇر بولغان. 1950-يىلى يەنە ئەسكەرلىككە كىرگەن، ياندۇرقى يىلى پولكوۋنىكلىققا كۆتۈرۈلگەن. ناسىر رەھبەرلىكىدىكى ئەركىن ئوفىتسېرلار تەشكىلاتىغا ۋە 1952-يىلىدىكى پادىشاھ فارۇقنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىيۇل ئىنقىلابىغا قاتناشقان، ئىنقىلابىي يېتەكچىلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1953-يىلى «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولغان. 1954 — 1956-يىللىرى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان. 1957—1960-يىللىرى مىللىي پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1957 — 1961-يىللىرى مىللىي ئىتتىپاقنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1958 — 1960-يىللىرى مىسىر ئىسلام قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، خەلقئارا ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان. 1960 — 1968-يىللىرى مىللىي پارلامېنتنىڭ باشلىقى بولغان. 1964 — 1966-يىللىرى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1968-يىلى ئەرەب سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي ئىشلار سېكرىتارى بولغان. 1969-يىلى يەنە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1970-يىلى ناسىر ۋاپات بولغاندىن كېيىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1972-يىلدىن تارتىپ قوشۇمچە قوراللىق قىسىملارنىڭ ئالىي قوماندانى بولغان. 1973-يىلى ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلىۋالغان جايلارغا قارىتا قوغدىنىش يۈزىسىدىن قايتۇرما زەربە بېرىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1974-يىلى ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە ئىسرائىلىيە بىلەن توقۇنۇشۇشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا ئىككى كېلىشىم ئىمزالىغان. 1978-يىلى 9-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، ئىسرائىلىيە بىلەن «داۋىدكامر كېلىشىمى»نى ئىمزالىغان. 1979-يىلى «مىسىر-ئىسرائىلىيە سۈلھ شەرتنامىسى»نى ئىمزالىغان، ئۇنىڭدا ئىككى تەرەپ ئۇرۇش ھالىتىنى ئاياغلاشتۇرۇش، ئىسرائىلىيە سىناي يېرىم ئارىلىدىن باسقۇچقا بۆلۈپ چىقىپ كېتىش بەلگىلەنگەن. 1981-يىل 10-ئاينىڭ 6-كۈنى، ھەربىي پاراتتا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى «ئىنقىلاب تارىخى»، «نىل دەرياسىدىكى قوزغىلاڭ» قاتارلىقلار.

سادوزايىلار سۇلالىسى

  • سادوزايىلار سۇلالىسى[يەشمىسى:] دۇررانى خاندانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئافغانىستاندىكى فېئودال خاندانلىق (1747 — 1818). 1747-يىلى ئابدالى (كېيىن دۇررانى دەپ ئۆزگەرتىلگەن)قوۋمى سادوزاي (Sadozais) ئۇرۇقىنىڭ خەلىپىس ئەھمەد شاھ دۇررانى قۇرغان، پايتەختى قەندىھار. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئۇنىڭ زېمىنى شەرقتە پەنجاپتىن، غەربتە كاسپىي دېڭىزىغىچە، جەنۇبتا ئەرەب دېڭىزىدىن، شىمالدا بالىرغىچە بولۇپ، شۇ چاغدا ئوسمان ئىمپېرىيىسىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ مۇسۇلمان كۈچلۈك دۆلىتى بولۇپ قالغان. 1773-يىلى تېمۇر (Timur Shah، 1746 — 1793) تەختكە ۋارىسلىق قىلغان ھەمدە پايتەختىنى كابۇلغا يۆتكىگەندىن كېيىن، خاندانلىقنىڭ كۈچى خارابلىشىشقا باشلىغان. 1818-يىلى باراكزائى مىللىتىنىڭ خەلىپىلىرى ئاخىرقى پادىشاھ ماھمۇدنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، خاندانلىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەن. 1826-يىلى، دوست مۇھەممەد (Dost Muhammad،1793 — 1863) باراكزائىيلار سۇلالىسىنى قۇرۇپ، ئافغانىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان.

سادوۋا جېڭى

  • سادوۋا جېڭى[يەشمىسى:] كونىگراتىس بىرلەشمە جېڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشىدىكى بىر مۇھىم جەڭ. 1866-يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە قوشۇنلىرى سادوۋا ](Sadova ياكى كونىگراتىس Konigratz) دەپ ئاتىلىدۇ، ھازىرقى چېخوسلوۋاكىيىدە[ دا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. پرۇسسىيە 291 مىڭ كىشىلىك قوشۇن چىقارغان، ئاۋسترىيە 238 مىڭ كىشىلىك قوشۇن چىقارغان. پرۇسسىيە قوشۇنلىرىغا كارل مولكې قوماندانلىق قىلىپ، ئاۋسترىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى ئېغىر تالاپەت تارتقۇزۇپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. 7-ئاينىڭ 26-كۈنى فرانسىيىنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن، ئىككى تەرەپ نىكولىسبۇرگ (Nikolsburg) دا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان.

سادوۋېئانۇ

  • سادوۋېئانۇ[يەشمىسى:] (Mihail Sadoveanu، 1880 — 1961) رومىنىيىلىك يازغۇچى. ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ۋە ژۇرنال تەھرىرى بولغان. فاشىستلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ئىلغار گېزىت بولغان «ھەقىقەت گېزىتى»، «تاڭ گېزىتى»گە مەسئۇل مۇھەررىر بولۇپ، ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيەتكە زەربە بېرىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ئازادلىقتىن كېيىن رومىنىيە مىللىي پارلامېنت ھەيئەت رىياسىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. جەمئىي 120 نەچچە رومان، ھېكايە يازغان. ئاساسىي ئەسەرلىرى: «كەپىلىكلەر»، «پالتان»، «لەيلەپ قالغان تۈگمەن»، «شاگىرتلىق يىللاردا»، «مىترىيە كوكور»، «تاقىلىق نىكولا» قاتارلىقلار.

ساراسۋاتى

  • ساراسۋاتى[يەشمىسى:] (Dayananda Saraswati، 1842 — 1883)ھىندىستانلىق ھىندى دىنى ئىسلاھاتچىسى، مۇقەددەس جەمئىيەتنىڭ ئاساسچىسى، سانسىكرىت تىلشۇناسى. گۇجاراتتىكى (Gujarat) براخمان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئۇستا ناتىق، ۋېداغا ئېتىقاد قىلغان. ئۇ ھىندىستان جەمئىيىتىنى ئۆزگەرتىشنى ۋە ھىندى دىنىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان، «ۋېدا دەۋرىگە قايتايلى» دېگەن قەدىمكىگە قايتىش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خرىستىئان تەسىر كۈچىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرغان. تائىپە ئىمتىيازىغا ۋە كىچىك توي قىلىش ئادىتىگە قارشى تۇرغان، تۇل خوتۇنلارنىڭ قايتا ياتلىق بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ۋە مىللىي تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ھىندى دىنىغا كىرمىگەنلەرنى ھىندى دىنىغا كىرگۈزۈش ھەرىكىتىنى قۇۋۋەتلىگەن. ئۇنىڭ ئىسلاھات تەشەببۇسى ۋە دىن تەلىماتى ھىندىستاندىكى پەنجاب، گۇجارات قاتارلىق جايلاردا ناھايىتى زور تەسىرگە ئىگە بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسىرى: «ھەقىقەت نۇرى»، «ۋېدا ئىزاھلىرى» قاتارلىقلار. 

ساراسېنلار

  • ساراسېنلار[يەشمىسى:] (Saracens) ئەسلى سۈرىيە-ئەرەب قۇملۇقىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلارنى كۆرسىتەتتى، كېيىن ئەرەبلەرنى كۆرسىتىدىغان بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بارلىق مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىدىغان بولغان. شۇڭا ئەرەب ئىمپېرىيىسى ساراسېن ئىمپېرىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ساراسېن ئىمپېرىيىسى

  • ساراسېن ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:] غەرب تارىخ كىتابلىرىدا ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاتىلىشى. «ساراسېنلار»غا قاراڭ.

ساراي

  • ساراي[يەشمىسى:] ياپونىيە سودا سارايلىرى، يەنى، ساتقۇچى بىلەن ئالغۇچى ئوتتۇرىسىدىن شىرىنكانە ئېلىپ، سودىنى كېلىشتۈرىدىغان سودا ئورگىنى. ساقلاپ بېرىش سارىيى، يەنى مال سارىيى؛ قوبۇل قىلىش سارىيى، يەنى مال ئېلىش سارىيى بار. يەنە ھەر خىل ماللار بىلەن تىجارەت قىلىشتىن تەرەققىي قىلىپ مەخسۇس سارايغا ئايلانغانلىرى، ئالايلۇق ئاشلىق سارىيى، ماي سارىيى بار. بۇلاردىن باشقا پىششىقلاپ ئىشلەش سارايلىرىمۇ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۇستىخانا قول سانائىتى خاراكتېرىمۇ بار. چوڭ شەھەرلەردە سارايلارنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى، ئالايلۇق، ئوساكادا 24 گۇرۇپپا ساراي، ئىدۇدا 10 گۇرۇپپا ساراي بار. بۇ سودا ئورگانلىرى ئىدو دەۋرىدىكى باكو شوگناتى ۋاسساللىقى تۈزۈلمىسى شارائىتىدا تاۋارلارنى توپلاش-تارقىتىش رولىنى ئويناپ، ئوبوروتقا پايدىلىق بولغان، لېكىن بەزى سارايلار باكو شوگناتى ياكى ۋاسسال بەرگەن ئىمتىيازغا تايىنىپ، مال باھاسىنى خالىغانچە بەلگىلەپ، بازارنى مونوپول قىلىۋالغان. تېمپو ئىسلاھاتى مەزگىلىدە مەنئى قىلىنغان.كېيىن 1851-يىلى (كائېئىنىڭ 4-يىلى)ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىدىن كېيىن، فېئوداللىق ئىمتىياز يوقالغانلىقتىن، سارايلارمۇ بارا-بارا ئاجىزلىشىپ كەتكەن.

ساراي ۋەزىرى

  • ساراي ۋەزىرى[يەشمىسى:] فرانك خانلىقىنىڭ موروۋېن سۇلالىسىدىكى ساراي خوجىدارى. مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، فرانك خانلىقى تەدرىجىي فېئوداللىق تۈزۈمگە يۈزلىنىپ، خانلىق ھاكىمىيەت ئاجىزلىشىپ، ئوردا ۋەزىرى تەدرىجىي ھالدا خانلىقنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان. مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، فرانك خانلىقى ئاۋستراسىيە (Austrasia) نيۇستىرىيە (Neustria) ۋە بۇرگۇندى قاتارلىق ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. جايلاردىكى ئاقسۆڭەكلەر ئارقىمۇ ئارقا ئۆزلىرىنى ئوردا ۋەزىرلىكىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشكەن. ھەرقايسى ئوردا ۋەزىرى نامزاتلىرى ئوتتۇرىسىدا دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يۈزىسىدىن يېغىلىق يۈز بەرگەن. 687-يىلغا كەلگەندە ئاۋستراسىيە ساراي ۋەزىرى پېپىنⅡ(PepinⅡ،؟—714) غەلىبە قىلىپ، مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ساراي ۋەزىرى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئوغلى چارلېس مارتېل ساراي ۋەزىرى بولغان چاغدا، سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مەركەزنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن. 751-يىلى پېپىن Ⅱ نىڭ نەۋرىسى، ساراي ۋەزىرى پېپىن (پەتەك) ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ، كارولىن خانلىقىنى بەرپا قىلغان ھەمدە ساراي ۋەزىرى دېگەن مەنسەپنى بىكار قىلغان.

سارايېۋو ۋەقەسى

  • سارايېۋو ۋەقەسى[يەشمىسى:] سارايېۋودا يۈز بەرگەن قاتىللىق ۋەقەسىنى كۆرسىتىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پىلتىسى. 1914-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاۋسترىيە ۋەلىئەھدى فرانز فېردىناند سارايېۋودا ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ھەربىي قىسىملىرىنىڭ مانېۋىرىنى كۆرۈۋاتقاندا، سېربىيە مەخپىي مىللەتپەرۋەر تەشكىلاتى — «ياش بوسىنىيە» ئەزاسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى گېرمانىيىنىڭ قوللىشى بىلەن، 7-ئاينىڭ 23-كۈنى سېربىيىگە ئولتۇماتوم تاپشۇرغان ھەمدە 28-كۈنى رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان.

ساراي يىغىنى

  • ساراي يىغىنى[يەشمىسى:] ۋەزىرلەر راداسى ياكى ساراي دۇماسى دەپمۇ ئاتالغان. ⅩⅥ ئەسىردە روسىيە چار پادىشاھى تەسىس قىلغان ئالاھىدە يىغىن. كېيىن كىنەز كۇربىسكىي (Андрей Миxайлович Курбский، 1528 — 1583) «ئەتىۋارلىق ۋەزىرلەر يىغىنى» دەپ ئاتىغان. 1547-يىلى ئىۋان Ⅳ موسكۋا قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچىنى چەكلەپ، مۇنارخىيىلىك ھوقۇقىنى كۈچەيتكەندە تەشكىللەنگەن. بۇنىڭدا ئاساسلىق رول ئوينىغانلار ئاقسۆڭەك ئاداشېۋ (Алексей Φедорович Адашев، ؟ — 1561)، ئوردا مېسسىئونىرى سىلۋېستىر (Силрвесть، ؟ — 1566)، ئارخېئېپىسكوپ ماكارىي (Макарий، 1482 — 1563) ۋە كورېسكىيلاردىن ئىبارەت. بۇ يىغىننىڭ ھوقۇقى چوڭ، بەزى چاغلاردا ھەتتا ياش ئىۋان Ⅵ مۇ ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ زور سىياسىي ئىشلارنى بەلگىلىيەلمەيتتى. 1555-يىلدىن كېيىن ئىۋان Ⅳ بىلەن «ساراي يىغىنى»نىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا لىۋونىيە ئۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىختىلاپ تۇغۇلغان. بەزى چوڭ فېئوداللار مۇنارخىيىنى ئاجىزلىتىش قەستىدە بولۇپ، ئىچكى سىياسىي قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغان. ئىۋان Ⅳ بۇنىڭغا قارىتا كەسكىن تەدبىر قوللانغان. 1560-يىلى ئاداشېۋ خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، موسكۋادىن قوغلاپ چىقىرىلغان. سىلۋېستىرمۇ سۈرگۈن قىلىنغان. شۇنىڭدىن تارتىپ «ساراي يىغىنى» ئەمەلدىن قالغانىدى.

سارتر

  • سارتر[يەشمىسى:] (Jena Paul Sartre، 1905 — 1980)فرانسىيىلىك يازغۇچى، پەيلاسوپ ۋە ئوبزورچى. مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ ئاساسچىسى. پارىژدا دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1929-يىلى پارىژ ئالىي سىفەننى پۈتتۈرگەن، كېيىن گېرمانىيىگە بېرىپ ئوقۇغان. پارىژ داشۆسى، خارۋارد داشۆسىدە پروفېسسور بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرانسىيىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1945-يىلى ئۆزىنىڭ سوتسىيالىزمنى تەشۋىق قىلىدىغان «ھازىرقى زامان» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان. 50-يىللاردا، تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، مۇستەملىكىچىلىككە ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تەرەققىيپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوللىغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋېنگرىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيىگە ئەسكەر چىقىرىشىغا قارشى تۇرغان. كېيىن 1968-يىلدىكى فرانسىيە ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، تەۋەككۈلچىلىك تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. تەرجىمىھال شەكىلدىكى «سۆز» رومانى ئۈچۈن 1964-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىلگەن، لېكىن قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمىغان. ھاياتىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. ئاساسىي ئەسەرلىرى «يىرگىنچ»؛ «مەۋجۇتلۇق ۋە مەۋھۇملۇق»، «مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر»،«ھۈرمەتكە لايىق پاھىشە»، «ھۈرلۈك يولى» ۋە «قوزغىلاڭ ھامان يوللۇق»قاتارلىقلار.

ساردېس

  • ساردېس[يەشمىسى:] (Sardes ياكى Sardis) كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىدىكى قەدىمىي شەھەر، لىدىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى. ھېرمۇس (Hermus) دەرياسى (ھازىرقى تۈركىيىنىڭ غەربىدىكى گىدىس دەرياسى) ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى سايغا جايلاشقان. تەخمىنەن مىلادىدىن 1000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان، شەرق-غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم قاتناش ئورنى بولۇپ، كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىدىكى يۇنان شەھەرلىرى بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىپ كەلگەن، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا ئىشلىرى تېز راۋاجلانغان، ئۆز بايلىقى بىلەن داڭق چىقارغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسردىن باشلاپ تەڭگە قۇيغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سىممېرىئانلارنىڭ(Cimmerians) ھۇجۇمى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان، كېيىن قايتىدىن قۇرۇلغان. مىلادىدىن 546 يىل ئىلگىرى پېرسىيە پادىشاھى كۇرۇس ساردېسنى يېڭىپ، ئۇنى پېرسىيە زېمىنىغا قوشۇۋالغان، لىدىيە پادىشاھلىقىمۇ ھالاك بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن پېرسىيە، ماكېدونىيە، رىم قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېقىنغان. خرىستىئان دىنى ئەۋج ئالغاندىن كېيىن، كىچىك ئاسىيادىكى يەتتە چېركاۋ تۇرۇشلۇق جاينىڭ بىرى بولغان، لېكىن ئۇ ئىلگىرىكى مۇھىملىقىنى يوقاتقان.

سارگونⅠ

  • سارگونⅠ[يەشمىسى:] (SargonⅠ) ساررۇكىن (Sarrukun) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مەنىسى «ھەققانىيەتچىل پادىشاھ» دېگەنلىك. ئاككاد پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 2371 — 2316). رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە ئاددىي خەلقتىن چىققان، باغۋەن بولغان. قورال كۈچى بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ئاككاد پادىشاھلىقىنى قۇرغان. كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق لۇگال، زاكگىسى قاتارلىق كىچىك پادىشاھلارنى يېڭىپ، سۇمېر شەھەر بەگلىكىنى بويسۇندۇرۇپ، مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇب رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، ئاككادنى پايتەخت قىلغان. شۇنداقلا چەتكە كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، شىمالدا سۇبارتۇغا بېسىپ كىرگەن، شەرقىي جەنۇبتا ئېلامنى بويسۇندۇرغان، ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش دائىرىسى كىچىك ئاسىيا، سۈرىيە ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىغىچە بېرىپ يەتكەن. شۇنىڭدەك سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان، دەريا-ئۆستەڭلەرنى چاپتۇرغان، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، دائىمىي زاپاس قوشۇنىنى كېڭەيتكەن (5400 كىشى)، ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن. سارگون Ⅰ قۇرغان ئاككاد پادىشاھلىقى شۇ زاماندا مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى تۇنجى بىرلىككە كەلگەن چوڭ دۆلەت بولغان.

سارگونⅡ

  • سارگونⅡ[يەشمىسى:] (ⅡSargon) ساررۇكىن (Sarrukin) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مەنىسى «ھەققانىيەتچىل پادىشاھ» دېگەنلىك بولىدۇ. ئاسسۇرىيە پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 722 — 705). تىگلاھ پىلېسېر Ⅱ دىن كېيىن، ھەربىي ئىشلار ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان. مىلادىدىن 722 يىل ئىلگىرى سامارىيىگە ئۈچ يىل قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ ئاخىرى يەڭگەن، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ، 27 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنى ئېلىپ قايتقان. ئۇ يەنە تۇرې، گازانى مەغلۇپ قىلغان، پۈتكۈل سۈرىيىنى بويسۇندۇرغان، مىسىر فىرئەۋىنى ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. مىلادىدىن 714 يىل ئىلگىرى ئورارتو پادىشاھى لۇسا Ⅰنى مەغلۇپ قىلىپ، توشپا شەھىرىنى ۋەيران قىلىپ، مۇساشىر شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، نۇرغۇن غەنىيمەت ئالغان. مىلادىدىن 710 يىل ئىلگىرى يەنە بابىلوننى ئىشغال قىلىۋالغان (ئۆزى ۋالىي بولغان)، بابىلونىيىنى ئىمپېرىيە زېمىنىغا قوشۇۋالغان. تەسىر دائىرىسى كىچىك ئاسىيا ۋە سىپرۇس ئارىلىغىچە بېرىپ يەتكەن. ھەرقايسى شەھەرلەردىن نەچچە ئون مىڭ ئاھالىنى ئېلىپ، مەجبۇرىي يۆتكەپ كەتكەن. مىلادىدىن 707 يىل ئىلگىرى پايتەختنى دۇر ساررۇكىن (Dur Sarrlukin، بۇنىڭ مەنىسى «ساردۇكىن قورغىنى» دېگەنلىك، ھازىرقى ئىراقتىكى ھېلساباد)غا يۆتكىگەن، ئوردا سېلىپ، بولۇشىچە ھۇزۇر-ھالاۋەت كۆرگەن. ئۇنىڭ ئوردىسى ۋە نۇرغۇن ئاسارا ئەتىقىلىرىنى ⅪⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئارخېئولوگلار تاپقان. 

سارگېن

  • سارگېن[يەشمىسى:] (johnsinger Sargent، 1856 — 1925) ئامېرىكىلىق پورتېرت رەسسامى، ئىتالىيىدە تۇغۇلغان. فلورېنسىيە گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. ئىتالىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زور مىقداردا تەسۋىرىي سۈرەتلەرنى سىزىپ چىققان. 1876-يىلى ئامېرىكىغا بارغان، شۇ يىلى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تۇنجى قېتىم 1877-يىلى پارىژدا كۆرگەزمە قىلىنىپ، شۆھرەت قازانغان. 1885-يىلى لوندونغا بارغان. ئۇ كۆپرەك يۇقىرى تەبىقىلەر ئۈچۈن پورتېرىت سىزىپ بەرگەن. 1889-يىلى ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن. بوستون كۇتۇپخانىسىنىڭ زور تىپتىكى تام سۈرەتلىرىنى سىزىپ چىققان، بوستون مۇزېيىغىمۇ زىننەت رەسىملىرى سىزىپ بەرگەن. 1910-يىلى ئىتالىيىگە كېلىپ، سۇ بوياق بىلەن ئالپ تېغىنى سۈرەتلەپ چىققان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «جازلېبولىستېلنىڭ سۈرىتى»، «ئاچا-سىڭىل ۋېنھامنىڭ پورتېرىتى»، «بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېنېرال»قاتارلىقلار بار.

سارماتىلار

  • سارماتىلار[يەشمىسى:] (Sarmatae)قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى كۆچمەن قەبىلە. ساكاسلار (ساكاس ئۇرۇقى) بىلەن ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋىتى بار، ئوخشاشلا ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ شەرقىي ئىران تىللىرى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىردە سىكتايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قارا دېڭىزنىڭ شىمال قىرغىقىغا كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان. سارماتىلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان ماسساگېتلار (Massagetae) مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پېرسىيىنىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرۈپ، پادىشاھ كۇرۇسنى ئۆلتۈرگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ماكېدونىيە ئالېكساندرنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغان قوشۇنلىرىغا كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسەتكەن، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىردە يەنە قارا دېڭىزنىڭ شىمال قىرغىقىدىكى سىكتايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىدا يەنە يەنسەيلەر ۋە ئالانىلار قاتارلىق كۆچمەن قەبىلىلەر باش كۆتۈرۈپ، سارماتىئانلار ئاستا-ئاستا خارابلاشقان. قارىلىشىچە، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرگىچە سارماتىلاردا ماترىئارخاللىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلانغان، ئۇلار ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان، سۇ-ئوتلاققا قاراپ ئولتۇراقلاشقان، ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىشقا ئۇستا، تۇرمۇش ئادىتى سىكتايلارغا بىرقەدەر يېقىنلىشىدۇ.

سار مەسىلىسى

  • سار مەسىلىسى[يەشمىسى:] سار گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، جەنۇبىي فرانسىيە بىلەن چېگرىداش، گېرمانىيىنىڭ مۇھىم كۆمۈر بازىسى بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت گېرمانىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ تالىشىش ئوبيېكتى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، «ۋېرسال شەرتنامىسى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە سارنى خەلقئارا ئىتتىپاق فرانسىيىنىڭ 15 يىل ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىغا ھاۋالە قىلغان. سار كۆمۈركانىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئېچىش ھوقۇقى فرانسىيىدە بولغان. 15 يىلدىن كېيىن، سار رايونىدىكى ئاھالە ئاۋاز بېرىش يولى بىلەن ئۆزىنىڭ تەۋەلىكىنى بەلگىلەيدىغان ياكى ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قالىدىغان، ياكى فرانسىيىگە قوشۇلىدىغان، ياكى گېرمانىيىگە قوشۇلىدىغان بولغان. 1935-يىل 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن، سار رايونىدا پۇقرالار ئاۋاز بېرىپ، 90 پىرسەنت ئاۋاز گېرمانىيىگە قوشۇلۇشنى تەشەببۇس قىلغان. خەلقئارا ئىتتىپاق سار رايونىنىڭ 1935-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ گېرمانىيىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

سارمىيېنتو

  • سارمىيېنتو[يەشمىسى:] (Domingo Fautino Sarmiento، 1811 — 1888). ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى (1868 — 1874). روساس مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا پائال قارشى تۇرغان. چىلىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، چىلىدا تۇنجى ئەرلەر سىفەن مەكتىپىنى ئېچىشقا ياردەملەشكەن. «تەرەققىيپەرۋەر گېزىتى» قاتارلىق ژۇرناللارغا رىياسەتچىلىك قىلغان. 1846 — 1847-يىللىرى ياۋروپا، ئافرىقا ۋە ئامېرىكىنى ساياھەت قىلغان. 1851-يىلنىڭ ئاخىرى ۋەتىنىگە قايتىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قاتناشقان. روساس ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە ئۆلكە باشلىقى، جامائەت مائارىپ مىنىستىرى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە، ئارگېنتىنانىڭ مەدەنىي-مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغان، تۈرلۈك سىفەن مەكتەپلىرىنى، كۇتۇپخانا، تىياتىرخانا ۋە ئىلىم-پەن ئاپپاراتلىرىنى قۇرغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئاخبارات ۋە مائارىپ خىزمىتىگە كۈچ چىقارغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن «مەدەنىيەت ۋە ياۋايىلىق: خۇئان فاكومدو كىروكانىڭ ھاياتى»، «چەت ئۆلكىلەر ھەققىدە ئەسلىمىلەر»، سىياسىي ئوبزور «ئاممىۋى مائارىپ»ۋە «ساياھەت خاتىرىلىرى» قاتارلىقلار بار.

سارنات

  • سارنات[يەشمىسى:] (Sarnath) قەدىمكى زاماندا «بوغىلىق» (Mrgadava) دەپ ئاتالغان، «ئەۋلىيالار بوغىلىقى» دەپمۇ ئاتالغان. ھىندىستاندىكى بۇددىزم مۇقەددەس جايىنىڭ بىرى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ساكيامونى نېرۋاناغا يەتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بۇددا قائىدىلىرىنى سۆزلىگەن جاي. كېيىن تەرەققىي قىلىپ شىمالىي ھىندىستان بويىچە بۇددا دىنىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالغان. بۇ ⅩⅡ ئەسىرگىچە داۋام قىلغان. شىمالىي شتاتتىكى ۋاراناسى (Waranasi) نىڭ غەربىي شىمالىدىن 10 كىلومېتر يىراقلىقتا. 1905-يىلى ئىككى مۇنار، بىر مۇراسىم زالى، يەتتە راھىبلار قورۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون تېپىلغان. «ئاسوكا پەرمان تۈۋرۈكى» (ئۇنىڭ تۆت شىر بېشى چۈشۈرۈلگەن تۈۋرۈك بېشى ھىندىستاننىڭ كاتتا قەدىمىي سەنئەت بۇيۇمى دەپ قارالغان) ۋە نۇرغۇنلىغان ئويمىچىلىق بۇيۇملىرى تېپىلغان. ئۇنىڭ ئىچىدە ماتورا ئىشلىگەن كوشان خاندانلىقى كانىشكانىڭ ئۈچىنچى يىلىدا پۈتكەن بۇددا ھەيكىلى (ئېگىزلىكى ئىككى مېتر) بۇددا ھەيكىلىنىڭ مەنبەسىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گۇپتا دەۋرىدە بۇددا سەنئىتى يەنىلا گۈللىنىپ، نۇرغۇنلىغان بۇددا ھەيكەللىرى ياسىلىپ، كېيىنكى دەۋرلەردىكى بۇددا ھەيكەلتىراشلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنداقلا «سارناتچە بۇددا سەنئىتى» دەپ ئاتالغان. 

سارى

  • سارى[يەشمىسى:] (Sarit Thanarat،1908— 1963) تولۇق ئىسمى سارى تانارات. تايلاند زۇڭلىسى (1959 — 1963). قوراللىق قىسىملارنىڭ ئالىي باش قوماندانى، دۆلەت سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى.1929-يىلى تايلاند قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئوفىتسېرلار مەكتىپىنى تۈگىتىپ، ئۇزاق ۋاقىت قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1947-يىلى لۇاڭپىبۇل قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقان. 1955-يىلى مارشاللىققا ئۆستۈرۈلۈپ، ئىككىنچى يىلى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1957-يىلى قوراللىق قىسىم باش قوماندانى بولغان. شۇ يىلى 9-ئايدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، لۇاڭپىبۇل ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، قوراللىق قىسىم ئالىي باش قوماندانى بولغان. 1958-يىلى يەنە بىر نۆۋەت سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئاساسىي قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلاپ، پارلامېنتنى تارقىتىۋەتكەن ھەمدە ھەرقايسى پارتىيىلەر پائالىيىتىنى مەنئى قىلغان. «ئىنقىلاب ئۆمىكى» نى قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ھەربىي، سىياسىي چوڭ ھوقۇقلىرىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان.

سارتسىن قوغداش جېڭى

  • سارتسىن قوغداش جېڭى[يەشمىسى:] سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە قىزىل ئارمىيىنىڭ سارتسىننى قوغداش يۈزىسىدىن ئېلىپ بارغان جەڭ.1918-يىلى ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن دون دەرياسى رايونىنى بېسىپ ياتقان كراسنوۋ باشچىلىقىدىكى ئاق گۋاردىيە ئارمىيىسى سارتسىننى بېسىۋېلىپ، شىمالىي كاپكازدىن روسىيىنىڭ مەركىزى رايونىغا بارىدىغان ئاشلىق توشۇش لىنىيىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، موسكۋاغا ھۇجۇم قىلىدىغان يولنى ئېچىش كويىدا بولغان. 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا، دۈشمەن ئارمىيىسى قىزىل ئارمىيىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ ئەسكىرىي كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلغان. 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۈچ تەرەپتىن سارتسىننى مۇھاسىرىگە ئالغان. ستالىن روسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى (ب) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن شۇ شەھەردىكى ھەربىي ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ باتۇرانە قوغداش ئۇرۇشىنى ئېلىپ بارغان. قىزىل ئارمىيە 8-ئاينىڭ 21-كۈنى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەننى دون دەرياسىنىڭ قىرغىقىغىچە چېكىندۈرگەن. 10-ئاينىڭ 14-، 15-كۈنلىرى كراسنوۋ پۈتۈن ئەسكىرىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ سارتسىننى يېڭىباشتىن قورشىۋالغان. دېنىكىن شىمالىي كاپكاز تەرەپتىن ئۇنىڭغا ماسلىشىپ بەرگەن. بىرقانچە كۈن جىددىي جەڭ قىلىش ئارقىسىدا، دۈشمەن يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ بولغان. 1919-يىلنىڭ بېشىدا، دېنىكىننىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ھۇجۇمىمۇ قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان. بۇ جەڭنىڭ غەلىبىسى جەنۇبىي سەپنى تۇراقلاشتۇرۇپ، مەركىزىي رايوننىڭ ئاشلىق تەمىناتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. ستالىننىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1925-يىلى سارتسىننىڭ نامىنى ستالىنگراد (1961-يىلى ۋولگىگراد دەپ ئۆزگەرتىلگەن) قىلىپ ئۆزگەرتكەن.

سارىس

  • سارىس[يەشمىسى:] (Michael Sars، 1805 — 1869) نورۋېگىيىلىك زوئولوگ. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا پوپ بولغان. 1854-يىلدىن تارتىپ كرىستىئانىيە (ھازىرقى ئوسلو) داشۆسىنىڭ زوئولوگىيە پروفېسسورى بولغان. نورۋېگىيە دېڭىز ياقىسى، ئادرىياتىك دېڭىزى ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدا ئىلمىي ساياھەت قىلغان، مۇز دەۋرى يەر تۈزۈلۈشى ۋە نورۋېگىيە دېڭىز جانلىقلىرىنىڭ قالدۇق ئىسكىلىتلىرى ئۈستىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. دېڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ھايۋاناتلار توپىنى ئەڭ بالدۇر بايقىغان ئالىملارنىڭ بىرى بولۇپ، دېڭىز ھايۋاناتلىرىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئاساس سالغان. 

سازلىقچىلار

  • سازلىقچىلار[يەشمىسى:] يەنى «تۈزلەڭچىلەر».

ساساكې سوئىچى

  • ساساكې سوئىچى[يەشمىسى:] (1878 — 1965) ياپونىيە ئاساسىي قانۇن قانۇنشۇناسى. قانۇنشۇناسلىق دوكتورى. كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن كەسپىنى تۈگىتىپ، 1913-يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1933-يىلى پروفېسسور تاكىگا ۋە يۇكىتوكى (1891 — 1962) نىڭ ئىلمىي تەشەببۇسىنى قوللاپ، مەدەنىيەت مۇئاۋىن ۋازارىتىنىڭ يولسىز تەدبىرلىرىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، ئىستېپا بېرىپ، لىمىڭگۇەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى مەھكىمىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى يېزىپ چىقىش خىزمىتىگە قاتناشقان، بىراق بۇ لايىھە قوبۇل قىلىنمىغان. ئۇنىڭ «ياپونىيە مەمۇرىي قانۇن ئاساسلىرى ھەققىدە»، «ياپونىيە ئاساسىي قانۇن تېزىسلىرى»، «ياپونىيە دۆلەت ئاساسىي قانۇنى ھەققىدە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

ساسانىيلار سۇلالىسى

  • ساسانىيلار سۇلالىسى[يەشمىسى:] يېڭى پېرسىيە ئىمپېرىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىراندىكى خاندانلىق. مىلادى 227-يىلى ئەردەشىر Ⅰ ئارساك پادىشاھلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن قۇرغان، بوۋىسى ساسانى (Sassan) دەپ ئاتالغانلىقتىن شۇنداق نام بېرىلگەن. پايتەختى كېتسىفون. ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى يولغا قويغان. پائال تۈردە سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلغان، زورو ئاستېر دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان. Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، Ⅵ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قۇللۇق تۈزۈمدىن ئاستا-ئاستا فېئوداللىق تۈزۈمگە ئۆتكەن. 491-، 529-يىللىرى مازداك قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلگەن. خوسراۋ Ⅰ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (531 — 579) سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ئىسلاھات يولغا قويۇلغان. مەدەنىيەت-سەنئەت گۈللەنگەن بۇ خاندانلىقنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ پادىشاھلىرى رىم ئىمپېرىيىسى ۋە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن ئۇزاققىچە ئۇرۇش قىلغان. Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، بىرنەچچە قېتىم يەپتاللارنىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرگەن. Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، خاندانلىق خارابلىشىشقا قاراپ ماڭغان ھەمدە ئەرەبلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان، 637-يىلى ئەرەبلەر كېتسىفوننى ئىشغال قىلىۋالغان. 642-يىلى، نىھاۋان جېڭىدە، ئەرەبلەر يەنە ئىران قوشۇنلىرىنى تارمار قىلغان، يەزدېگېرد Ⅲ قېچىپ كەتكەن، 651-يىلى ئۆلتۈرۈلگەن، خاندانلىق شۇنىڭ بىلەن ھالاك بولغان. ساسانىيلار (ئىران) «يىپەك يولى» نىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان دىپلوماتىك ۋە سودا مۇناسىۋىتى بەك قويۇق بولغان. ئەرەبلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، يەزدېگېرد Ⅲ نىڭ ئوغلى پېروز(Peroz) تاڭ سۇلالىسىدىن ياردەم سورىغان، لېكىن تاڭ سۇلالىسى ماقۇل بولمىغان. كېيىن پېروز تاڭ سۇلالىسىگە كېلىپ پاناھلانغان، ئاخىرى جۇڭگودا ئۆلگەن. 

سافارىك

  • سافارىك[يەشمىسى:] (Pavel Jozel Safarik، 1795 — 1861) سلوۋاك تىلشۇناسى، ئارخېئولوگى. 1819 — 1825-يىللىرى سېربىيە نوۋى ساد (Novisad) تىكى تىل مەكتىپىدە باش مۇپەتتىش، قوشۇمچە پروفېسسور بولغان. 1841 — 1857-يىللىرى پراگا كۇتۇپخانىسىدا ئىشلىگەن. چېخوسلوۋاكىيە مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن: «سلاۋيان تىلى ۋە ئەدەبىياتى تارىخى»، «قەدىمكى سلاۋىيان»، «سلاۋىيانلار تارىخى» قاتارلىقلار بار. 

ساففارىيلار سۇلالىسى

  • ساففارىيلار سۇلالىسى[يەشمىسى:] (مىلادى Ⅸ ئەسىردىكى ئىراننىڭ شەرقىدىكى يەرلىك فېئودال خاندانلىق). مىلادى 867-يىلى، سېستان (Seistan) ئۆلكىسى (ھازىرقى ئىران بىلەن ئافغانىستان چېگرا رايونى) ھەربىي قىسىملار قوماندانى ياقۇب ئىبن لايىش (Yaqub ibn Laith، 867 — 879-يىللىرى تەختتە تۇرغان) قۇرغان. ئۇنىڭ لەقىمى «ساففار» Saffar-al، (مەنىسى «شېكەر») بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. كېيىن يەنە ھېرات، كىرمان، شىراز، بەلىخ، كابۇل قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلغان. 873-يىلى تاھىرىيلەر سۇلالىسىنى يوقاتقان، خوراساننى تارتىۋالغان ھەمدە تەبەرىستان (Tabaristan، ھازىرقى ئىچكى دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى رايونلار) غا يۈرۈش قىلغان. 876-يىلى باغدادقا يۈرۈش قىلىپ، مەغلۇپ بولغان. ئامر (Amribn Laith)ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە(879 — 900)، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سامانىيلار سۇلالىسى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالاشقان. 900-يىلى ئامرنىڭ ئەسكەرلىرى يېڭىلىپ ئۆزى ئەسىرگە ئېلىنغان، ساففار خاندانلىقىنىڭ سېستان ئۆلكىسىدىن باشقا زېمىنى پۈتۈنلەي قولدىن كېتىپ، سامانىلار سۇلالىسىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان. 

سافىيلار سۇلالىسى

  • سافىيلار سۇلالىسى[يەشمىسى:] ئىراندىكى فېئودال خاندانلىق(1502—1736). ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى ئىسمائىل Ⅰ ئەزەربەيجان ئاردابىل (Ardabil) رايونىدىكى قەبىلە باشلىقى سافىدىن (Safi al — din، 1252 — 1334) نىڭ ئەۋلادى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئىسلام دىنىدىكى شىئە مەزھىپى دۆلەت دىنى قىلىنغان. دەسلەپتە تەبرىز پايتەخت بولغان. ئۇنىڭ تەۋەسى شەرقتە ئوتتۇرا ئاسىياغا، غەربتە كۇردىستان ۋە ئىراققىچە بارغان. 1514-يىلىدىن باشلاپ، نۇرغۇن قېتىم ئوسمان ئىمپېرىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان («ئىران-تۈركىيە ئۇرۇشى» غا قاراڭ). ⅩⅥ ئەسىرنىڭ 70 — 80-يىللىرىدا، ھەر يىلى ئۇرۇش بولۇپ، زورلۇق بىلەن ئالۋان-ياساق ئېلىش نەتىجىسىدە دېھقانلار ۋەيران بولغان، مەملىكەت ئىچىدە كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ پارتلىغان، دۆلەتنىڭ ھالى بىر مەھەل خارابلاشقان. ئابباس Ⅰ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە بىر قىسىم ئاقسۆڭەكلەر ۋە چوڭ سودىگەرلەرگە تايىنىپ، غەيرەتكە كېلىپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرغان، تاشقى سودىنى رىغبەتلەندۈرگەن، قۇدرەتلىك مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرغان. 1598-يىلى پايتەختنى ئىسفاھانغا يۆتكىگەن. سىرتقا قارىتا ئوسمان ئىمپېرىيىسى ۋە ئۆزبېكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىپ، كۆپ مىللەتلىك قۇدرەتلىك دۆلەت بەرپا قىلغان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، سىنىپىي زىددىيەت ۋە مىللىي زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى ئارقىسىدا، خاندانلىق خارابلىشىشقا قاراپ ماڭغان. 1722-يىلى ئافغانلار ئىسفاھانغا بېسىپ كىرگەن، پادىشاھ سۇلتان ھۈسەيىن تەسلىم بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى تاھماسىپ (Tahmaspii، ؟ — 1739) شىمالغا قېچىپ بېرىپ، ئۆزى پادىشاھ بولغان. 1729-يىلى ئافغانلارنى قوغلاپ چىقارغان. 1736-يىلى چوڭ پاشا نادىر شاھ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن سافى خاندانلىقى ئاخىرقى ھېسابتا يوقالغان. 

ساكاتاما سائىچى

  • ساكاتاما سائىچى[يەشمىسى:] (1911 — 1970) ياپونىيىلىك فىزىك. فىزىكا پەنلىرى دوكتورى. كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئوساكا ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لىكتورى، ناگويا ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇدا ياپونىيە ئىلمىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئاتوم ئېنېرگىيىسى مەسىلىسى كومىتېتى، ئاتوم يادروسى پەۋقۇلئاددە كومىتېتى، ئاتوم ئېنېرگىيىسى پەۋقۇلئاددە كومىتېتلىرىنىڭ باشلىقى بولغان. ئاساسىي زەررە فىزىكىسى تەتقىقاتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان.1942-يىلى ئاۋۋال ئىككى خىل مېزوترون نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ كېيىنچە دەلىللەنگەن. 1955-يىلى ئۇ يەنە بىر خىل ئاساسىي زەررىلەر قۇرۇلمىسى مودېلى («ساكاتا مودېلى») نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزئارا كۈچلۈك رول ئوينىغۇچى ئاساسىي زەررىچە پروتون، نېيترون، گېپروندىن ئىبارەت ئۈچ خىل زەررىچە ئانتى زەررىچىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. 1964-يىلى ياپونىيە ئىلمىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولۇپ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ «فىزىكا ۋە مىتودىكا»، «ئالىم ۋە جەمئىيەت» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

ساكاگىي قوۋۇقى ئۆزگىرىشى

  • ساكاگىي قوۋۇقى ئۆزگىرىشى[يەشمىسى:] ياپونىيە توكۇگاۋا شوگونلۇقىنىڭ ئاخىرلىرىدا يۈز بەرگەن پادىشاھنى ھۈرمەتلەپ، ئەجنەبىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش تەرەپدارلىرى جەڭچىلىرىنىڭ ئوتتۇرانچى ئاقساقال ئانتۆ نوبۇماساغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى. چوڭ ئاقساقال ئىئىنائوسوكې ئۆلگەندىن كېيىن ئوتتۇرانچى ئاقساقال ئانتۆنوبۇماسا (1820 — 1871) شوگنات بىلەن ئوردىنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، تېننو تاكامېينىڭ سىڭلىسى كازۇنومىيانى سىياگون توكۇگاۋا ئېموچىغا ياتلىق قىلىشنى پىلانلاپ، پادىشاھنى ھۈرمەتلەپ، ئەجنەبىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش تەرەپدارلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.1862-يىل 2-ئاينىڭ 13-كۈنى (فۇمىنسانىڭ 2-يىلى 15-يانۋار) ئۆخاشى توتىسۇياننىڭ رەھبەرلىكىدە، خراياما خيۆسۇكى قاتارلىق ئالتە نەپەر جەڭچى ئېدو شەھىرى ساكاگىي قوۋۇقىدا ئانتۆنى زەخىملەندۈرگەن. بۇ ۋەقەگە بىۋاسىتە قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈلگەن، ئانتۆمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ شوگۇنلۇق بىلەن ئوردىنىڭ بىرلىشىشىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار چۈشكۈنلىشىشكە باشلاپ، پادىشاھنى ھۈرمەتلەپ، ئەجنەبىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتى تېزلىك بىلەن راۋاجلانغان. 

ساكاموتورىئۇما

  • ساكاموتورىئۇما[يەشمىسى:] (1836 — 1867) ياپونىيە توكۇگاۋا باكۇ شوگونلۇقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ئۆتكەن، پادىشاھنى ھۈرمەتلەش، ياۋلارنى يەكلەش، شوگناتنى ئاغدۇرغۇچى زات. ئەسلى ئىسمى نائوجى، تەخەللۇسى سائىتانى ئۇمېتارو.1853-يىلى ئېدوغا بېرىپ قىلىچۋازلىقنى ئۆگەنگەن. 1861-يىلى توسادىكى پادىشاھقا ساداقەتمەن بولغۇچىلار گۇرۇھىغا قاتناشقان. 1862-يىلى كاتسىئۇئومى فۇناساكومونغا باش قويۇپ، كوبې دېڭىز ئارمىيە مەشق ئورنىنى قۇرۇشقا قاتناشقان.1864-يىلى ناگاساكىدىكى كامېياما «ئۇيۇشما ئەترىتى» (كامېياما ئەترىتى، كېيىن دېڭىز ياردەمچى ئەترىتى دەپ ئاتالغان) نى قۇرۇپ دېڭىز ترانسپورت سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. 1866-يىلى سايگوتاكامورى، كىدوكوئىن قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كيوتودا ئۇچرىشىپ، ساتسۇما بىلەن ناگاسىيۇ بىرلىشىپ، شوگناتنى ئاغدۇرۇش مەخپىي كېلىشىمىنى تۈزگەن. 1867-يىلى گوتو شىچىرۆ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، سابىق ۋاسسال بېگى-ياماچى تويونوبۇغا شوگناتتىن ھاكىمىيەتنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەكلىپ قىلىشقا قۇتراتقان. شۇ يىلى كيوتودا ناكائوكاشىنتارۆ بىلەن بىرلىكتە سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

ساكدال پارتىيىسى قوزغىلىڭى

  • ساكدال پارتىيىسى قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] فىلىپپىن خەلقىنىڭ ئامېرىكا مۇستەملىكىچىلىرى ۋە پومېشچىكلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى. «ساكدال» (Sakdal) نىڭ مەنىسى «گۇناھكار» دېگەنلىك. بۇ پارتىيىنى پومېشچىك بۇرژۇئازىيە زىيالىيلىرى 1933-يىلى قۇرغان، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى ياپونپەرەس راموس (Benigno Ramos)، ئاساسىي ئەزالىرى دېھقانلار. ئۇنىڭ شوئارى — 1935-يىلى ئىچىدە «پۈتۈنلەي ھەم مۇتلەق مۇستەقىللىك» نى قولغا كەلتۈرۈش. ئۇ يەرلەرنى تەڭ تەقسىم قىلىش، بارلىق باج-سېلىقنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان.قوزغىلاڭ 1935-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا لۇسون ئارىلىدا كۆتۈرۈلگەن. بالاگەن، نىخۇ، لىشا، كاۋىتې ئۆلكىلىرىدىكى دېھقانلار ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان، قاتناشقۇچىلار 100 مىڭغا يەتكەن. قوزغىلاڭچىلاردا كۈچلۈك رەھبەرلىك ۋە قاتتىق تەشكىل كەم بولغانلىقتىن، كۇئېزون ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. بۇ قوزغىلاڭ فىلىپپىن سىياسىتىدە بىرقەدەر چوڭ تەسىر پەيدا قىلغان. 

ساكسونلار

  • ساكسونلار[يەشمىسى:] (Saxons) قەدىمكى گېرمانلارنىڭ بىر تارمىقى. دەسلەپتە رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى بىلەن ئېلبا دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى رايون (بۈگۈنكى فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ تۆۋەن ساكسونىيە ئوبلاستى) غا جايلاشقان. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتىبارەن بىر قىسىم ساكسونلار دېڭىزدىن ئۆتۈپ، برىتانىيىگە بېرىپ، ئانگلولار، جۇتلار بىلەن بىرلىشىپ، ئانگلو-ساكسونلارنى شەكىللەندۈرگەن. ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا ئولتۇراقلاشقان ساكسونلار ساكسىنلار (Saxony، نېمىسچە Sachsen) دەپ ئاتالغان. كېيىن ئىمپېراتور چارلىس تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان، ئۇلارنىڭ زېمىنى فرانك پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. ساكسونلار ئارىسىدىكى فېئوداللىق مۇناسىۋەت راۋاج تاپقانلىقتىن 841-يىلى سىتلىنكا قوزغىلىڭى پارتلىغان. 843-يىلى ئىمزالانغان «ۋېردېن شەرتنامىسى» غا ئاساسەن، ساكسونىيە شەرقىي فرانك پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان. كېيىن ساكسونلار باشقا گېرمانلارغا قوشۇلۇپ، يېقىنقى زامان نېمىسلارنى شەكىللەندۈرگەن. 

ساكسېن قانۇنى

  • ساكسېن قانۇنى[يەشمىسى:] ساكسېنلارنىڭ ئادەت قانۇنلىرى توپلىمى، جەمئىي 66 ماددا، مىلادى Ⅸ — Ⅷ ئەسىر ئارىلىقىدا پۈتكەن. «ياۋايى مىللەتلەر» قانۇنىنىڭ بىر تۈرى. بۇ شۇ چاغدا ساكسېنلار ئارىسىدىكى ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى يەنىلا ئېغىر ھالدا مەۋجۇتلۇقىنى، بىراق روشەن سىنىپىي پارچىلىنىش يۈز بەرگەنلىكىنى، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن يەرلەرنى ئىگىلەپ تۇرغانلىقى، ئىمتىيازغا ئىگە ئىكەنلىكى، ئادەتتىكى ئۇرۇق ئەزالىرىنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك يەرلەردىن مەھرۇم بولۇپ، بېقىندى دېھقانغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، قانۇندا يەنە يېرىم ھۈرلەر ۋە قۇللار تىلغا ئېلىنغان، لېكىن ئۇلار ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاساسىي ھۆددىگىرى بولمىغان. 

ساكسېن قوزغىلىڭى

  • ساكسېن قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] 1073 — 1075-يىللاردىكى ساكسېن دېھقانلىرى بىلەن فېئوداللىرىنىڭ مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅳ كە قارشى قوزغىلىڭى. ھېنرى Ⅳ پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئەمەلدارلار (ئاساسەن سىۋابېنلار) غا تايىنىپ ساكسېندا شەھەر قەلئەسى قۇرغۇزۇپ، دېھقانلارنىڭ باج ۋە ھاشار-سېلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئېغىرلاتقان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ساكسېن فېئوداللىرىنىڭ مەنپەئىتىگىمۇ چېقىلغان. 1073-يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن، رەھبەرلىك ھوقۇقىنى فېئوداللار ئىگىلىگەن. قوزغىلاڭچى دېھقانلار شەھەر قەلئەسىنى بۇزۇپ، باج تاپشۇرۇشقا قارشىلىق قىلىپ، قوزغىلاڭنى فېئوداللىققا قارشى خاراكتېرگە ئىگە قىلغان. كېيىن فېئوداللار بىرلا بۇرۇلۇپ ھېنرى Ⅳ بىلەن مۇرەسسەلەشكەن. 1075-يىلى قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولۇپ، نۇرغۇنلىغان دېھقانلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، قوزغىلاڭغا قاتناشقان بەزى فېئوداللار ساكسېندىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 

ساككو-ۋانزېتتى ۋەقەسى

  • ساككو-ۋانزېتتى ۋەقەسى[يەشمىسى:] ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي زىيانكەشلىك ۋەقەسى.1920-يىل 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئىتالىيانلار ئىتالىيە مۇھاجىرلىرىدىن بولغان ئىشچىلارنىڭ يولباشچىسى ساككو (Nicola Sacco) ۋە ۋانزېتتى (Bartholomeo Vanzetti) 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ماسساچۇسېت شتاتىغا قاراشلىق جەنۇبىي برانتىرىدىكى بىر ئاياغ كىيىم زاۋۇتىنىڭ كاسسىرى بىلەن ساقچىسىنى ئۆلتۈرۈپ، 15 مىڭ دوللار ئىش ھەققى پۇلىنى بۇلاپ كەتكەن، دەپ قارىلىنىپ قولغا ئېلىنغان. 1927-يىل 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئامېرىكا ۋە دۇنيا ھەققانىيەتچى جامائەتچىلىكى دەلىل-ئىسپات تولۇق ئەمەس دەپ ئەيىبلىگەن، نۇرغۇن شەھەرلەردە ئىش تاشلاش ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى بولغان. لېكىن ھۆكۈمەت يەنىلا ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالغان. شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى بۇ ئىككى كىشى ئۆلتۈرۈلگەن. 

ساكلار

  • ساكلار[يەشمىسى:] («塞种人» دەپمۇ ئاتىلىدۇ-ت) (sacae ياكى sakas)، قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كۆچمەن قەبىلە. ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ شەرقىي ئىران تىل تۈركۈمىنىڭ بىر تارمىقىغا كىرىدۇ. سارماتىلار بىلەن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بار. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە سەيھۇن دەرياسى (بۈگۈنكى سىر دەرياسى) نىڭ شىمالىغا جۈملىدىن ئىلى دەريا ۋادىسى ۋە تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىردىن Ⅴ ئەسىرگىچە قەبىلە ئىتتىپاقى شەكىللىنىپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسى ۋە كېيىنكى ماكېدونىيە ئالېكساندرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا توخرىيلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن ئۇنىڭ بىر تارمىقى ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا كۆچۈپ كىرىپ، كەشمىردە زابولىستان دۆلىتىنى قۇرغان. يەنە بىر تارمىقى غەربىي جەنۇبقا كۆچۈپ سوغدىيانا ۋە باكتىرىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. يەنە بىر قىسمى تېخىمۇ غەربكە ئىلگىرىلەپ ئارساك (پارفىيە) نىڭ شەرقىي-جەنۇبىي قىسمىغا بېرىپ، دىرانگىيانا (Drangiana، بۈگۈنكى ئىراندىكى سىستان) رايونىدا ساكلار دۆلىتىنى قۇرغان. ساكلار كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئاساس قىلغان، ئاتلىق ئوۋ قىلىشقا، جەڭگە ماھىر. ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسىملىرىغا كىرگەندىن كېيىن، پەيدىنپەي شۇ يەردىكى ئاھالىلەر بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن.

ساكۇرادا دەرۋازىسى ئالدىدىكى ۋەقە

  • ساكۇرادا دەرۋازىسى ئالدىدىكى ۋەقە[يەشمىسى:] ياپونىيە توكوگاۋا شوگونلۇقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە پادىشاھنى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش تەرەپدارلىرىدىن چوڭ بەگ ئىناۋ ناۋسوكنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن ۋەقە. 1858-يىلى ئىناۋ چوڭ بەگ بولغاندىن كېيىن تاشقى جەھەتتە ئەنجېڭ شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان، ئىچكى جەھەتتە ئەنجېڭ يىللىرىدىكى چوڭ بېسىقتۇرۇش ۋەقەسىنى تۇغدۇرغان. بۇ ھال پادىشاھنى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش تەرەپدارلىرىنى غەزەپلەندۈرگەن.1860-يىل 3-ئاينىڭ 24-كۈنى سېكى ئوسۇكى قاتارلىق مىتو، سامو ۋاسساللىرىدىكى 18 نەپەر زات ئېدو شەھىرىنىڭ ساكۇرادا دەرۋازىسى ئالدىدا ئىناۋنى ئۆلتۈرگەن. شوگناتقا قارشى ھەرىكەت شۇنىڭ بىلەن تېز راۋاجلانغان. شوگنات ھۆكۈمرانلىقى بارغانسېرى تەۋرىنىپ قالغان.

ساكۇنتالا

  • ساكۇنتالا[يەشمىسى:] (Sakuntala) كالىداسانىڭ مەشھۇر دراما ئەسىرى. جەمئىي يەتتە پەردىلىك. درامىدا پادىشاھ دوشەنتا بىلەن موناستىردىكى زاھىد ئايالنىڭ ئاسراندى قىزى ساكۇنتالانىڭ مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن. ئاپتور بۇ بىر مەيدان قايغۇ ۋە خۇشاللىق ھەمدە جۇدالىق ۋە تېپىشىشتىن ئىبارەت ئەگرى-توقاي تەسىرلىك ھېكايە ئارقىلىق، كىشىلىك دۇنياسىدىكى ساپ مۇھەببەتنى سۈرەتلەپ بەرگەن. شۇنداقلا قەدىمكى ھىندىستان جەمئىيىتىدىكى يۇقىرى تەبىقە سىنىپلىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە كەيپىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. سانسكرت تىلىدىكى كلاسسىك ئەدەبىيات ئەسەرلىرى ئىچىدىكى مۇھىم ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دراما ھىندىستان ئىپوسى «ماھاباراتا» نى ئۆزىگە ماتېرىيال قىلغان بولۇپ، داستاندىكى باراتا-ساكونتالا بىلەن دوشەنتانىڭ ئوغلى ئىدى.

ساكېراي

  • ساكېراي[يەشمىسى:] (Willian Makepeace Thackeray، 1811 — 1863) ئەنگلىيىلىك يازغۇچى. يۇقىرى دەرىجىلىك باي خىزمەتچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بالا چېغىدا دادىسى ئۆلۈپ كېتىپ، نۇرغۇن مىراسقا ئىگە بولغان. كېيىن بانكا ۋەيران بولۇپ، نامرات ھالغا چۈشۈپ قالغان. دەسلەپ قانۇن ئۆگىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان، كېيىن يازغۇچى بولۇپ قالغان. 1848-يىلى ئېلان قىلغان ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە رومانى «نام-مەنپەئەت مەيدانى» دا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ چىرىكلىشىپ چۈشكۈنلىشىشى ۋە بۇرژۇئازلارنىڭ ئاچكۆزلۈكى-ساختىپەزلىكى قاتتىق مەسخىرە قىلىنغان. قالغان ئەسەرلىرى ئىچىدەروماندىن«پەندىنىنىس»، «نېۋكوم ئائىلىسى»، تارىخىي روماندىن «ھېنرى ئېسماندىنىڭ تارىخى» ۋە ئۇنىڭ داۋامى بولغان «ۋىرگىنىيىلىكلەر»، نەسرىي ئەسىرىدىن «بايلىق ۋە مەرتىۋىچىلەر» قاتارلىقلار بار.50-يىللاردا سىياسىي جەھەتتىكى رادىكاللاردىن بولۇپ، كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى باراۋەرسىزلىك ۋە ئەخلاقسىزلىقلارنى ئەيىبلىگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۈمىدسىزلىك ئىدىيىسىدە بولۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى ياخشىلىغىلى بولمايدۇ، دەپ قارىغان. 

ساكىس

  • ساكىس[يەشمىسى:] (Nelly Leonie Sachs، 1891 — 1970) شۋېتسىيە تەۋەلىكىدىكى گېرمانىيىلىك يەھۇدىي شائىرە، دراماتورگ. بېرلىندىكى سانائەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، بالىلىق دەۋرىدە باياشات تۇرمۇش كەچۈرگەن. 17 يېشىدا شېئىر ۋە سەھنە ئەسىرى يازغان. ناتسىستلار ئەۋج ئالغاندىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. 1940-يىلى شۋېتسىيىلىك ئايال ئەدىب لاگېرلىفنىڭ ياردىمى بىلەن، ئانىسى بىلەن بىللە شۋېتسىيىگە قېچىپ كېلىپ، شۋېتسىيە تىلىنى ئۆگەنگەن ھەمدە شۋېتسىيە ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش ئىشىنى ئىشلىگەن. ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە ئاددىي-تەسىرلىك سۆزلەر بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ۋە زۇلۇم چېكىش ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن، يەھۇدىي ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى ئىچىدە روماندىن «ئۆلۈكلەر ماكانى»، «مورا»، «ئىسرائىلىيىلىكلەرنىڭ ئازابى»؛ سەھنە ئەسىرىدىن «ئىسرائىلىيىلىكلەر ئازابىنىڭ سىرى» قاتارلىقلار بار. 1966-يىلى يەنە بىر يەھۇدىي يازغۇچى ئاگنون بىلەن بىللە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. ستوكھولمدا ئۆلگەن.

ساكسېن خاندانلىقى

  • ساكسېن خاندانلىقى[يەشمىسى:] گېرمانىيىدىكى فېئودال خاندانلىق (919 — 1024). ساكسېن (Sachsen) كىنەزى ھېنرىⅠ (قۇشچى) قۇرغان. ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە، رىتسارلار ۋە ئەمەلدارلارغا تايىنىپ، دىنىي جەمئىيەت كۈچلىرىنى يۆلەپ («ئوتتو ئىمتىيازى» غا قاراڭ)، چوڭ فېئوداللار بىلەن كۈرەش قىلىپ، پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتكەن. پولابى سلاۋيانلىرىنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ، يەرلىك ئاھالىنى خرىستىئان دىنىغا كىرىشكە مەجبۇر قىلغان. ئىتالىيىگە بىرنەچچە قېتىم بېسىپ كىرىپ، ئىتالىيە ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن پاپا ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشكە ئارىلاشقان. مىلادى 962-يىلى، پاپا ئوتتوⅠگە تاج كىيگۈزگەندىن تارتىپ ئىمپېراتور دەپ ئاتالغان. بۇ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ باشلىنىشى بولغان. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە تۇرغان يىللىرى مۇنداق: ھېنرى Ⅰ (919 — 936)، ئوتتوⅠ(936 — 973)، ئوتتو Ⅱ (973 — 983)، ئوتتوⅢ(983—1002)، ھېنرى Ⅱ (1002 — 1024). 1024-يىلى فرانكىنىيە خاندانلىقى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن. 

ساكسېن كىنەزلىكى

  • ساكسېن كىنەزلىكى[يەشمىسى:] گېرمانىيىنىڭ شىمالىدىكى رېين دەرياسى بىلەن ئېلبا دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى فېئودال كىنەزلىك بولۇپ، مىلادى Ⅸ ئەسىردىن ⅩⅡ ئەسىرگىچە مەۋجۇت بولغان. ساكسېنلار تۇرۇشلۇق رايون. 772 — 804-يىللىرى ئىمپېراتور چارلېس بويسۇندۇرغان ھەمدە چارلېس ئىمپېرىيىسىگە قوشۇۋالغان. 843-يىلى چارلېس ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن، شەرقىي فرانك پادىشاھلىقىغا ئايرىپ بېرىلگەن. مىلادى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا كىنەزلىك بولغان. 919-يىلى ساكسېن كىنەزى ھېنرىⅠ (قۇشچى) گېرمانىيە كورۇلى بولۇپ، ساكسېن خاندانلىقىنى قۇرغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن باشلاپ، ساكسېن فېئوداللىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېلبا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پولابى سلاۋيانلىرىنىڭ يەرلىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1180-يىلى، ساكسېن كىنەزى قوشۇمچە باۋارىيە كىنەزى ھېنرى (شىر) نى كورۇل فرېدرىخ Ⅰ (قىزىل ساقال) خوجىلىق يەردىن مەھرۇم قىلغان. كېيىن ساكسېن رايونىدا بىرنەچچە كىچىك كىنەزلىك شەكىللەنگەن،بۇلاردىن مەشھۇرلىرى برۇنسۋىك-لۇنېبۇرگ (Luneburg-Brunswick) كىنەزلىكى، ساكسېن-ۋىتتېنبېرگ (Wittenberg-Sachgen) كورۇل سايلىغۇچى بەگلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1423-يىلى ساكسېن ۋىتتېنبېرگ كورۇل سايلىغۇچى بەگلىك مېيىسسېن ماركقا قوشۇۋېتىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن «ساكسېن» دېگەن نام مۇشۇ يېڭى ساكسېن كورۇل سايلىغۇچى بەگلىكىنىلا كۆرسىتىدىغان بولغان. 

ساكيامۇنى

  • ساكيامۇنى[يەشمىسى:] (Sakyamuni، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 565 — 485 ياكى تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 563 — 483). بۇددا دىنىغا ئاساس سالغۇچى. فامىلىسى گائۇتاما (Gautama)، ئىسمى سىددىخارتا (Siddhartha)، ساكيا قەبىلىسىدىن، مۇنىنىڭ مەنىسى ئەۋلىيا (دانىشمەن، زاھىد) بولۇپ، كېيىنكىلەر ساكيامۇنى ياكى ساكيا دەپ ئادەتلەنگەن. تەلىمات ياراتقاندىن كىيىنى ھۈرمەتلەپ بۇددا (Buddha) دەپ ئاتالغان، مەنىسى «ئويغانغۇچى» دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇ ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى كاپىلاۋاستۇ دۆلىتىنىڭ لۇمبىنى دېگەن جايىدا (ھازىرقى نېپال تەۋەسىدە) تۇغۇلغان. دادىسى سۇددوداناخان، ئانىسى مايا (Maya)، كساتىرىيا تائىپەسىدىن؛ ئۇ ئوردىدا تەربىيىلىنىپ چوڭ بولغان، بالاغەتكە يەتكەندە ياسودارا(Yasodhara) غا ئۆيلەنگەن ۋە بىر بالىلىق بولغان (ئوغلىنىڭ ئىسمى — راھۇلې Rahule). ساكيامۇنىنىڭ دۇئا-ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىپ دىن تارقىتىش جەريانىدىكى خىلمۇ خىل سەرگۈزەشتلىرى كېيىنكى بۇددا رىۋايەتلىرىدىن كەلگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، شاھزادە ساكيا بۇ دۇنيادىكى ئاغرىق-سىلاق، ئۆلۈم-يېتىم ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، كۆپ ھاللاردا روھى چۈشۈپ دۇنيادىن بىزار بولىدىكەن. ئۇ براخمان كاھىنلىرىنىڭ ۋائىزلىق قىلىشىغا نارازى بولۇپ، 29 يېشىدا بىر كۈنى ئايدىڭ كېچىدە ئاق ئاتقا مىنىپ، كىشىلىك ھاياتتىكى قۇتۇلۇش يولىنى ئىزدەپ، ئۆيىدىن دەرۋىش (سرامان) بولۇپ چىقىپ كەتكەن. ئۇ ئاتاقلىق ئۇستازلارنى زىيارەت قىلغان، دەسلەپتە ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن، زاھىدلار ئورمىنىدا ئالتە يىل دەرۋىشلىك قىلىپ، بۇددا گايادىكى نىليەنجەن دەرياسىغا چۆمۈلۈپ، فىكوس دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئۆزى يالغۇز جىم ئولتۇرۇپ، بىرقانچە كۈن پىكىر قىلغاندىن كېيىن، بىردىنلا ئويغانغانمىش. ئۇ بۇ دۇنيادىكى غەيرىيلىك ۋە ئۇلارنىڭ ئون ئىككى خىل سەۋەبىنى چۈشىنىپ، نىرۋانايانى راھەت-پاراغەت دۇنياسى — تۇغۇلۇش بىلەن ئۆلۈشنىڭ نۆۋەتلىشىشىدىن ئىبارەت ئازابتىن قۇتۇلۇپ، تۇغۇلماي، ئۆلمەي، مەڭگۈ ئەقىل-ھوشىنى ساقلاپ قالغان ھالدا جىمجىت ھالەتكە كىرىپ، راھەت-پاراغەتتە ياشاشنىڭ ئەلا ئۇسۇلىنى تاپقانمىش؛ ئۇ تەلىمات ياراتقان يىلى 35 ياشقا كىرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن يۇرت كېزىپ ھەممىلا يەردە بۇددا دارما (يولى) ھەققىدە ۋەز ئېيتقان. ئەڭ ئاۋۋال مرگاداۋادىن بەش شاگىرت ئەگەشتۈرۈپ، ئۇلارغا جاپا چېكىش، يىغىش، يوقىتىش، تەرىقەتتىن ئىبارەت تۆت ئۇلۇغ ساتيا (تۆت چوڭ ھەقىقەت) ۋە سەككىز توغرا يول (ئارىياستانگى-كامارگا) نى ئۆگەتكەن. بۇ، «بۇددا گەردىشىنىڭ دەسلەپكى چۆگىلىشى» ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن شاگىرتلارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلغان، 45 يىل ئىچىدە گانگ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىمىدىكى جايلارنىڭ ھەممىسىنى ئايلىنىپ چىققان. ماگارھا (پايتەختى راجاگرىھا شەھىرى) نىڭ پادىشاھى بىمبىسارا، كوسالا (پايتەختى سىراۋاستى شەھىرى) نىڭ پادىشاھى پاسېنادى ئۇنىڭ تەلىماتىغا ئېتىقاد قىلغان ھەمدە ئۇنىڭغا قەسىر ھەدىيە قەلغان. ساكيا قەبىلىسىدىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بۇددا دىنىغا كىرگەن، شۇنداق قىلىپ تەسىرى پەيدىنپەي كېڭەيگەن. ساكيامۇنى 80 ياشقا كىرگەن چېغىدا كۇسنارا(Kusinara)نىڭ يېنىدىكى سالا (Sala) جۈپ دەرىخى ئاستىدا يوقالغان (ۋاپات بولغان). ئۇنىڭ مۇرىتلىرىدىن كاسياپا ۋە ئاناندا قاتارلىقلار راجاگرىھا شەھىرىدە ئۇنىڭ سۆزلىرى ۋە ۋەزلىرىنى يادلاپ رەتلىگەن (بىرىنچى قېتىملىق توپلاش)، كېيىن يەنە بىرقانچە قېتىملىق توپلاش ئارقىلىق، «بۇددا دىنىنىڭ سۇترا، ۋىنايا، ئابىدارمادىن ئىبارەت «ئۈچ پىتاكا» سى (كىتابى) بارلىققا كەلگەن. بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىشى جەريانىدا، ئۇنىڭ ئىپتىدائىي ھىنايانا (كىچىك كۆلۈڭگۈ) مەزھىپىدىن ماھايانا (ئۇلۇغ كۆلۈڭگۈ) مەزھىپى ھاسىل بولۇپ، ئاخىر دۇنياۋى دىن بولۇپ شەكىللەنگەن.

ساگا توپىلىڭى

  • ساگا توپىلىڭى[يەشمىسى:] ياپونىيە ساگا ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىنىڭ يېڭىلىققا كۆچۈش ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق توپىلىڭى. مېيجى يېڭىلىقى مەزگىلىدە، ساگادا ھۆكۈمەتكە قارشى ئىككى ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى تەشكىلاتى بولغان: بۇنىڭ بىرى سابىق كېڭەش مەسلىھەتچىسى ئېتوشىنچى باشچىلىقىدىكى ئەسكەر ئەۋەتىپ چاۋشيەننى ئىستېلا قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار تەرەپدارلىرى؛ يەنە بىرى ئاكىتا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ئىسايوشى (1822 — 1874) باشچىلىقىدىكى ياۋروپالاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرغۇچى، دۆلەتتىن ئەنسىرەش تەرەپدارلىرى.1874-يىلى 2-ئايدا بۇ ئىككى گۇرۇھ بىرلىشىپ 3000 دىن كۆپرەك ئادەم توپلاپ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ساگا ناھىيىلىك ھۆكۈمىتىنى بىر مەھەل ئىشغال قىلىۋالغان. مېيجى ھۆكۈمىتى ئوكۇبوتوشىمىچى قوماندانلىقىدا ئۇلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىپ، توپىلاڭچى قوشۇننى تېزلىك بىلەن تارمار قىلغان. ئېتوشىنچى بىلەن ئىسايوشى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. 

ساگا ۋاسساللىقى

  • ساگا ۋاسساللىقى[يەشمىسى:] خېزېن ۋاسساللىقى دەپمۇ ئاتالغان. ياپونىيە ئازۇچى-موموياما دەۋرىدىن تارتىپ مۇھىم ۋاسساللىقلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد ۋاسسال بېگى نابېشما چىشگې (1538 — 1618). خېزېن بەگلىكىنىڭ ساگا دېگەن يېرى ئۇنىڭغا تەۋە رايون بولغان. توكۇگاۋا شوگونلۇقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ۋاسسال ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى بېيىتىش، ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، ساتسۇما، ناگاسىيۇ، توسادىن ئىبارەت ئۈچ ۋاسساللىق بىلەن بىرگە مېيجى يېڭىلىقىنىڭ يېتەكچى كۈچى بولۇپ قالغان. 1871-يىلى ۋاسساللىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىمارې ناھىيىسى قىلىپ قۇرۇلغان. ئىككىنچى يىلى ساگا ناھىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. 

ساگناك

  • ساگناك[يەشمىسى:] (Philip Pe Sagnac، 1868 — 1954) فرانسىيىلىك تارىخشۇناس. 1899-يىلدىن باشلاپ لىل داشۆسى، بوردو داشۆسى ۋە پارىژ داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1935-يىلى پارىژ داشۆسىدە فرانسىيە ئىنقىلابىي تارىخىنى تەتقىق قىلىش مەركىزىي تەسىس قىلىپ، فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى تارىخىنى تەتقىق قىلىش ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاش-رەتلەشتە تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى:«1792-يىلى 10-ئاۋغۇست ئىنقىلابى»، «بۈيۈك ئىنقىلاب ۋە ئىمپېرىيە دەۋرىدىكى فرانسىيە رېين رايونى»، «1789 — 1792-يىللاردىكى بۈيۈك ئىنقىلاب»، «فرانسىيە يېقىنقى زامان جەمئىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى».

ساگائىڭ بەگلىكى

  • ساگائىڭ بەگلىكى[يەشمىسى:] ⅩⅣ ئەسىردە شەنزۇ مىللىتى بېرمىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قۇرغان كىچىك فېئودال بەگلىك. 1315-يىلى پىنىيا پادىشاھى سىخاسونىڭ كەنجى ئوغلى ساۋيۇن (Sawyun) ساگائىڭ (Sagaing، ھازىرقى ماندالاينىڭ غەربىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ) شەھىرىنى قۇرۇپ، ئۆزى پادىشاھ بولغان. بۇ پادىشاھلىق يەتتە ئەۋلادقىچە داۋاملاشقان. 1364-يىلى شەرقىي شىمال تەرەپتىكى موشەن مىللىتى بېسىۋالغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي موشەن مىللىتى چېكىنگەن، ساگائىڭ پادىشاھ جەمەتىدىكى نادومىنۇيا ساگائىڭ بەگلىكى بىلەن پىنىيا بەگلىكىنى قوشۇپ ئاۋا سۇلالىسىنى قۇرغان.

ساڭنى كۆيدۈرگۈچىلەر

  • ساڭنى كۆيدۈرگۈچىلەر[يەشمىسى:] ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە مەيدانغا چىققان دېموكراتلار پارتىيىسى ئىچىدىكى رادىكال گۇرۇھلارنىڭ بىرى. 1842-يىلى شەكىللەنگەن. ئۇلار پارتىيە ئىچىدە بەزىلەرنىڭ پارتىيە پروگراممىسىغا خىلاپ سۆز-ھەرىكەتلىرى بارلىقىنى سەزسە، ئۇنىڭ ئامبىرىنى كۆيدۈرۈپ، ئۆي-ئىمارەتلىرىنى ۋەيران قىلىپ، مال-مۈلكىنى تارتىۋالغان، شۇڭا مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. بۇ گۇرۇھنىڭ رەھبەرلىرى كامبرېلېنگ (Churchill Caldom Cambreleng، 1786 — 1862)، ۋرىگت (Silas Wrigiht، 1795 — 1847)، تېلدېن (Samuel jones Tilden، 1814-1886) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كونسېرۋاتىپلارغا قارشى تۇرۇپ، قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلغان؛ ئەركىن تۇپراق پارتىيىسىنىڭ كۆز قارىشىنى قۇۋۋەتلىگەن. 1848-يىلدىن كېيىن پارچىلىنىپ، بەزىلىرى ئەركىن تۇپراق پارتىيىسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە قاتناشقان، بەزىلىرى دېموكراتلار پارتىيىسىگە قايتا كىرگەن. 

سالازار

  • سالازار[يەشمىسى:] (Antonio de Oliveira Salazar، 0791 - 9881) پورتۇگالىيىلىك مۇستەبىت. ۋېمانرودىكى كىچىك ساراي ئىگىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كوئىمبرا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. بۇ مەكتەپتە سىياسىي ئىقتىساد پروفېسسورى بولغان.1921-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1926-يىلى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، مالىيە مىنىستىرى (1926، 0491 - 8291) بولۇپ،ئاستا-ئاستا ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن. 1930-يىلى «مىللىي ئىتتىپاق» دېگەن فاشىستىك پارتىيىنى قۇرۇپ، ئۆزى ئۇنىڭ باشلىقى بولغان. 1932-يىلدىن تارتىپ زۇڭلى بولغان. شۇنداقلا 4491 - 6391-يىللىرى قوشۇمچە ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى بولغان، 7491 - 6391-يىللىرى قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە، ئىچكى جەھەتتە 1933-يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى تۈزۈپ، فاشىستىك ئاتالمىش «بىرلەشكەن ۋە نوپۇزلۇق دۆلەت» قۇرغان. تاشقى جەھەتتە فرانكو ھاكىمىيىتىنى قوللىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىتەرەپ تۇرغان، لېكىن ئەنگلىيە بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى ئالاقىسىنى ساقلاپ قالغان، ئەنگلىيىنىڭ ئازور يېرىم ئارىلىدىكى بازىسىنى ئىشلىتىشكە ماقۇل بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئەنگلىيە، ئامېرىكىغا بېقىنغان، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرگەن (1949). 1968-يىلى 9-ئايدا كېسىلى ئېغىرلىشىپ خىزمەتتىن ئايرىلغان. كېيىن كېسەل بىلەن ئۆلگەن. 

سالامى دېڭىز ئۇرۇشى

  • سالامى دېڭىز ئۇرۇشى[يەشمىسى:] يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ. مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى پېرسىيە پادىشاھى شېرسېس Ⅰ تەخمىنەن 500 مىڭ ئەسكەر، مىڭغا يېقىن ئۇرۇش كېمىسىنى باشلاپ، تراسې دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ، سۇ-قۇرۇقلۇق ئىككى يولدىن يۇنانغا ھۇجۇم قىلغان. پېرسىيە قۇرۇقلۇق قىسىملىرى ئوتتۇرا يۇنانغا بېسىپ كىرىپ، تېزلا ئافېنا شەھىرىنى ئىشغال قىلغان (شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى يۆتكەپ كېتىلگەن)؛ ئۇنىڭ فىلوتى سۇنىئان تۇمشۇقىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئاتتىكا يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدىكى سالامى (Salamis) قولتۇقىغا كىرىپ، تېمىستوكلې قوماندانلىق قىلغان ئافېنا دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن ئۇچراشقان. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىككى تەرەپ قاتتىق جەڭ قىلغان. ئافېنالىقلاردا تەخمىنەن 300 دىن ئارتۇق ئۇرۇش كېمىسى بولۇپ، كېمىلەر كىچىكرەك ھەم ئەپچىل بولغان؛ تار قولتۇقتا پېرسىيىنىڭ چوڭ تىپتىكى كېمىلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئاستا بولۇپ، پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالغان، ئافېنالىقلار دۆلەت ۋە ئەركىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن جەڭ قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر شارائىتى تونۇش بولۇپ، راسلىنىپ تۇرۇپ، دۈشمەننى ھالسىرىتىپ زەربە بەرگەن. جەڭ كەچكىچە داۋام قىلىپ، پېرسىيىنىڭ غايەت چوڭ كېمىلىرى چۆكتۈرۈۋېتىلگەن، تېيىز سۇغا پېتىپ قالغان، خادا تاشقا سوقۇلۇپ كەتكەن ۋە بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇپ چۆكۈپ كەتكەن بولۇپ، 300 گە يېقىن كېمىسى زىيانغا ئۇچرىغان؛ ئافېنانىڭ تەخمىنەن 40 كېمىسى زىيانغا ئۇچرىغان. شېرسېس Ⅰ يۇنانلىقلارنىڭ قايتىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قالدۇق قىسمىنى باشلاپ ئالاقزادە بولۇپ چېكىنگەن (قۇرۇقلۇق قىسىملىرى مودونوسنىڭ يېتەكچىلىكىدە پاسارىيىگە چېكىنگەن). سالامى دېڭىز ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئافېنانىڭ ئېگېي دېڭىزىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىنى تىكلىگەن، شۇنداقلا يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشىدا يۇنانلىقلارنىڭ مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈشتىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان. 

سالاھىددىن

  • سالاھىددىن[يەشمىسى:] (Salah - al Din Yusuf ibn Ayyub، 1138 - 1193) مىسىردىكى ئەييۇبىلار سۇلالىسىنى قۇرغۇچى. كۇرد. تىگرىس دەرياسى ۋادىسىدىكى تىكرىت (Tikrit) تا تۇغۇلغان. 1164-يىلى تاغىسىنىڭ قوشۇنىغا ئەگىشىپ مىسىرغا كەلگەن. 116-يىلى مىسىر فاتىمە خاندانلىقىنىڭ ۋەزىرى بولغان. 1171-يىلى فاتىمە خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئابباسىلار خاندانلىقىغا سادىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 1174-يىلى مىسىرنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن خەلىپە ئابباس ئۇنىڭغا سۇلتان دېگەن نام بەرگەن. كېيىن ئۇ، سۈرىيە بىلەن مېسوپوتامىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1187-يىلى پەلەستىننىڭ شىمالىدىكى خاتتىن (Hattin ياكى Hittin) دا ئەھلىسەلىپنى مەغلۇپ قىلىپ، ئېرۇسالىم پادىشاھى ۋە مۇقەددەس ئوردا رىتسارلار پولكىنىڭ پولكوۋنىكىنى ئەسىرگە ئالغان، 10-ئايدا ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلىپ، ئەھلىسەلىپنىڭ ئېرۇسالىمدىكى 88 يىللىق ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بەرگەن. 1189-يىلى غەربىي ياۋروپا فېئوداللىرى ئەھلىسەلىپنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق شەرققە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ قوماندانلىقىدا ئەھلىسەلىپنىڭ ھۇجۇمى توسۇلۇپ قالغان. 1192-يىلى ئەنگلىيە كورۇلى رىچاردⅠ بىلەن ئۈچ يىللىق ئۇرۇش توختىتىش شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان. ئىككىنچى يىلى، سۈرىيىنىڭ دەمەشق شەھىرىدە ئۆلگەن. 

سالتىكوۋ-شېدرىن

  • سالتىكوۋ-شېدرىن[يەشمىسى:] (Михаил Евграфович Салтыков - Щедрин، 9881 - 6281) روسىيە ساتىرىك يازغۇچىسى، ئىنقىلابىي دېموكرات. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن چىققان، پادىشاھلىق گىمنازىيىنى پۈتتۈرگەن. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا پېتراشېۋىسكى (М.В.Петрашевский، 6681 - 1281) گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، خىيالىي سوتسىيالىزم ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلغان. 1847-يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ياندۇرقى يىلى ئاممىنىڭ ئىنقىلاب قىلىشىغا بېشارەت بېرىدىغان «تېگىگە يېتىپ بولماس ئىش» دېگەن پوۋېستىنى ئېلان قىلغانلىقتىن قولغا ئېلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان. 1855-يىلى پېتربۇرگقا قايتقاندىن كېيىن، «ياقا ئۆلكە ئوچېرىكلىرى» دېگەن ئوچېرىكلار توپلىمىنى ئېلان قىلىپ، خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى مەسخىرە قىلغان، چار پادىشاھ تۈزۈمىنى قامچىلىغان.4881 - 2681-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «زامانداشلار» ۋە « ۋەتەن خاتىرىلىرى» ژۇرناللىرىنىڭ تەھرىرى بولغان. ئەسىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ،ئاساسلىقى«ئەيىبسىز ھېكايىلەر»، «ساتىرىك پروزىلار»، «پونبادۇر ۋە پونبادۇرشا»، «شېرىن سۆزلەر» قاتارلىقلار، ئۇلاردا روسىيە جەمئىيىتىدىكى قارا كۈچلەر پاش قىلىنغان. 1870-يىلى ئېلان قىلغان «بىر شەھەرنىڭ تارىخى» دېگەن رومانىدا، يانچىلارنىڭ ئازاد قىلىنىشى دېگەن ئالدامچىلىقنى ئېچىپ تاشلىغان. 1880-يىلى پۈتتۈرگەن «گولوۋلېۋلار ئائىلىسى» دېگەن رومانىدا پارازىت سىنىپنىڭ چىرىكلىشىش، چۈشكۈنلىشىشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن. ئۇ يەنە خەلقنى ئويغىتىش ئۈچۈن «مەسەللەر توپلىمى» نى يازغان. 1889-يىلى «پوشېخونىيەنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» دېگەن ئاخىرقى رومانىنى پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى روسىيە ئىنقىلابىي ھەرىكىتى ۋە ئىلغار ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئەسەرلىرى توپلىمى نەشىر قىلىنغان. 

ساللۇست

  • ساللۇست[يەشمىسى:] (Gaius Sallustius Crispus ياكى Sallust، مىلادىدىن ئىلگىرى 43 - 68) قەدىمكى رىم تارىخشۇناسى. سىياسىي جەھەتتە كائېسارغا بېقىنغان، مىلادىدىن 52 يىل ئىلگىرى ترىبون بولغان. بىر مەھەل ئەمىلىدىن قالدۇرۇلغان. كېيىن كائېسارنىڭ ھامىيلىقىدا، ئۇرخۇن ۋە نومىدىيە ۋالىيسى بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ھوقۇقتىن بولۇشىچە پايدىلانغان، بايلىقنى بۇلاپ ئالغان دەپ ئەيىبلەنگەن. كائېسار ئۆلگەندىن كېيىن، ئورمانلىققا كىرىۋېلىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى ئەسەر يېزىش بىلەن ئۆتكۈزگەن. «كاتىلىن توپىلىڭى ھەققىدە خاتىرە» ۋە «جۇگۇرتا ئۇرۇشى» دېگەن ئىككى تارىخىي ئەسەرنى يازغان. ئالدىنقى كىتابتا مىلادىدىن 43 يىل ئىلگىرى رىم ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كاتىلىن توپىلىڭىنىڭ باش-ئاخىرى بايان قىلىنغان؛ كېيىنكى كىتابتا رىمنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا نومىدىيىگە ئەسكەر چىقىرىپ ئۇنىڭ پادىشاھى جۇگۇرتا بىلەن ئۇرۇش قىلىش جەريانى بايان قىلىنغان. بۇ ئىككى كىتاب قەدىمكى رىم جۇمھۇرىيىتى دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى تارىخنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ھۈججەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

سالوتى

  • سالوتى[يەشمىسى:] (Salote،1900-1965) سالوتې تۇپۇⅢ (TupouⅢ Salote) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تونگا پادىشاھلىقىنىڭ ئايال پادىشاھى (5691 - 8191). تونگا پادىشاھى گېئورگې تۇپۇⅡ (Ceorge TupouⅡ) نىڭ قىزى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، ئەنگلىيىنى زىيارەت قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن يېڭى دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىغان، يېڭى زېلاندىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى زىچلاشتۇرغان، دۆلەت مۇداپىئەسى كۈچى بەرپا قىلغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، چوڭ ئوغلى تۇئېنجى تەختكە ۋارىسلىق قىلغان (يەنى تائۇفا ئاخائۇ تۇپۇ Ⅳ). 

سالونائې

  • سالونائې[يەشمىسى:] (Salonae) يۇگوسلاۋىيىدىكى قەدىمىي شەھەر. ئادرىياتىك دېڭىزى بويىدىكى سېپلېت (Split) نىڭ شىمالىدىكى سولىندا. قاتناش مەركىزىگە جايلاشقان، رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە سودا ئىشلىرى گۈللەنگەن. پادىشاھ دىئوكلېتئان مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلغانلىقتىن، بۇ يەردە ھەيۋەتلىك كۆركەم ئوردا سېلىنغان. ئۇ تەختىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندىن كېيىنمۇ مۇشۇ ئوردىدا تۇرغان. ئوردا خارابىسى ھازىرغىچە ساقلانماقتا، ئۇ مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى تىپىك رىم بىناسى سۈپىتىدە كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىبار بىلەن قارالماقتا. 

سالىسبۇرىي

  • سالىسبۇرىي[يەشمىسى:] (Robert Arthur Talbot Gascoyne - Cecil, Marquis of Salisbury، 3091 - 0381) ئەنگلىيە باش ۋەزىرى (6881 - 5881، 2981 - 6881، 2091 - 5981). كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ يولباشچىسى. ئوكسفورد خرىستىئان شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1853-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1866-يىلى ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1867-يىلى «پارلامېنت ئىسلاھاتى قانۇنى» غا قوشۇلمىغانلىقتىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1874-يىلى يەنە ھىندىستان ئىشلىرى مىنىستىرلىكىگە قايتقان. 1878-يىلى دىسىرا ئىلى ھۆكۈمىتىدە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، بېرلىن يىغىنىغا قاتناشقان. 1881-يىلى دىسرا ئىلى كېسەل بىلەن ئۆلگەندىن كېيىن، مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسىگە يولباشچى بولغان. 1885-يىلى تۇنجى قېتىم كابىنېت تەشكىل قىلغان. 1886-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەن. شۇ يىلى پارلامېنتتا گلادستونېنىڭ «ئېرلاندىيە ئاپتونومىيە قانۇنى» تۈزۈش ئۇرۇشىنى يەڭگەندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم كابىنېت تەشكىل قىلغان. ئىككىنچى، ئۈچىنچى نۆۋەتلىك باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئەنگلىيىنىڭ سىرتتىكى مۇستەملىكىلىرىنى پائال كېڭەيتكەن، بولۇپمۇ ئافرىقىدا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. شۇڭا فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا مۇستەملىكىچى دۆلەتلىرى بىلەن بىرنەچچە قېتىم توقۇنۇشۇپ قالغان؛ 2091 - 9981-يىللىرى ئىنگلىز-بۇرلار ئۇرۇشىنى قوزغىغان؛ ياۋروپا ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن، ياۋروپادا «شەرەپلىك يېتىم قېلىش سىياسىتى» نى يولغا قويغان؛ ئىچكى جەھەتتە بەزى ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغان. مەسىلەن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلغان، ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويغان؛ ھۆكۈمرانلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىشچىلار قوشۇمچە پۇلى تارقاتقان ۋە باشقىلار، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىرلاندىيىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا كۈچىنىڭ بارىچە قارشى تۇرغان.

سالىك قانۇنى

  • سالىك قانۇنى[يەشمىسى:] سالىك-فرانكلارنىڭ ئادەت قانۇنلىرى توپلىمى. مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فرانك كورۇلى كروۋىي تەختتە ئولتۇرغان چاغدا تۈزۈلگەن. لاتىنچە يېزىلغان. قەدىمكى نۇسخا 65 بابقا بۆلۈنگەن، ھەربىر باب يەنە بىرقانچە ماددىلارغا بۆلۈنگەن. كېيىن تولۇقلىنىپ تۇرغان. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى سوتلاش ۋە جازالاش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان. مىلادى Ⅴ ئەسىردىن Ⅵ ئەسىرگىچە بولغان فرانكلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. يەنى: ئۇلار كۆپ ھاللاردا يېزا جامائەسى (مارك) دە تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئۈلۈشلۈك يەرلەر ھەرقايسى ئائىلىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلىپ ۋارىسلىق قىلىپ تېرىلغان؛ ئورمان، ئوتلاق، سۇ مەنبەلىرى (كۆل، دەريا، سازلىق قاتارلىقلار) دىن ئورتاق پايدىلانغان. ئەركىن دېھقانلار فرانك جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي ئەزاسى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە قۇل، يېرىم ھۈر ۋە ئاقسۆڭەكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. سالاھىيىتى ئوخشاش بولمىغان كىشىنى ئۆلتۈرگەنلەرگە مىقدارى ئوخشاش بولمىغان جەرىمانە قويۇش بەلگىلەنگەن. مەسىلەن، ئەگەر كورۇلنىڭ مۇھاپىزەتچىسىنى ئۆلتۈرگەن بولسا، 600 سولىدا (— Solidus پۇل بىرلىكى) تۆلەش، بىر قۇلنى ئۆلتۈرگەن بولسا، ئىگىسىگە 30 سولىدا تۆلەش، دەپ بەلگىلەنگەن. قانۇندا ئاياللارنىڭ يەر-مۈلۈك مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىشى مەنئى قىلىنغان. بۇ بەلگىلىمە كېيىن فرانسىيىنىڭ ئاياللارنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشنى چەتكە قاقىدىغان قانۇنىي ئاساسى بولۇپ قالغان. بۇ قانۇن ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى غەربىي ياۋروپا تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

ساماررا

  • ساماررا[يەشمىسى:] (Samarra) ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئابباسىلار سۇلالىسى پايتەختىنىڭ خارابىلىرىدىن بىرى. ئىراقتىكى باغدادنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 100 كىلومېتر كېلىدىغان تىگر دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا. ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ سەككىزىنچى خەلىپىسى مۇستاسىم(Al-Mus,tasim، 248-497) مىلادى 836-يىلى پايتەختنى باغدادتىن بۇ يەرگە كۆچۈرگەن، بۇ جاي مىلادى 892-يىلغىچە ئاۋاتلاشقان. بۇ ئارىدا مۇتاۋچىل چوڭ مەسچىتى، بالكۋارا ئوردىسى قاتارلىق نۇرغۇن ئىمارەتلەر سېلىنغان. بۇ يەردە كۆپ قېتىم قېزىش ئىشى ئېلىپ بېرىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدە 1905-ۋە 1911-يىلى ئىككى قېتىم دائىرىسى كەڭرەك بولغان. جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋردىكى فارفور قاچىلار تېپىلغان. ساماررانىڭ يەر ئاستىدا تارىختىن بۇرۇنقى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت قاتلىمى بار. ئەڭ ئاستىنقى قاتلىمى ساماررا دەۋرىدىكى سامارراچە ساپال قاچىلار بار. قەبرىلەردىن نۇرغۇنلىغان بېجىرىم رەڭلىك ساپال قاچىلار چىققان، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى قاچىلارنىڭ ئىچىگە «» بەلگىسى سىزىلغان. 

سامارىيە

  • سامارىيە[يەشمىسى:] (Samaria) پەلەستىننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قەدىمكى شەھەر ھەم رايوننىڭ نامى. ئۇنىڭ شىمالى گالىلې (Galilee)، جەنۇبى يەھۇدىي، شەرقىي ئىئوردانىيە دەرياسى، غەربىي ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن تۇتىشىدۇ. سامارىيە مۇشۇ رايوننىڭ پايتەختى. تەخمىنەن مىلادىدىن 887 يىل ئىلگىرى ئومرى (Omri) خاندانلىقى دەۋرىدە قۇرۇلغان. سىجيەن يېنىدىكى ساما تېغىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن سامارىيە دەپ ئاتالغان ھەمدە ئۇزۇندىن بېرى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولۇپ كەلگەن. شەھەر ئىچىدە سەلتەنەتلىك ئوردا ۋە ئىبادەتخانا سېلىنغان. مىلادىدىن 722 يىل ئىلگىرى ئاسسۇرىيە پادىشاھى سارگون Ⅱ تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئاھالىلەر باشقا شەھەرلەرگە كۆچۈپ كەتكەن. مىلادىدىن 107 يىل ئىلگىرى يەھۇدىي ھۆكۈمرانى ھېركانۇ (loannes Hyrcanus، مىلادىدىن ئىلگىرى 135 — 104 تەختتە تۇرغان) تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رىم زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. ئارخېئولوگلار شەھەر خارابىسىنى قېزىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن كۆپ مىقداردا پىل چىشى، مېتال قاچىلار ۋە ساپال پارچىلىرى تېپىلغان. قەدىمكى پەلەستىننىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

سامانىيلار سۇلالىسى

  • سامانىيلار سۇلالىسى[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىراندىكى فېئودال خاندانلىق (999 - 478). ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ماۋرائۇننەھر رايونى (ئامۇر دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى رايون) نىڭ باش ۋالىيسى ناسىر (Nasr ibn Ahmad،874- 892-يىللىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن) قۇرغان. ئۇنىڭ بوۋىسى ئىران ئاقسۆڭىكى سامانى (Saman) بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق نام بېرىلگەن. ئىسمائىل (Ismail) تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (892 -907)، مىلادى 900-يىلى ساففارىيلار سۇلالىسىنى يوقىتىپ، خوراسان ۋە تەبەرىستان قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىۋالغان. ناسىرⅡ(NasvⅡ) تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (914 - 943) دۆلەت راسا روناق تاپقان، ئىگىلىك گۈللەنگەن؛ پايتەخت بۇخارا ۋە سەمەرقەند قاتارلىق شەھەرلەر مەشھۇر ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان، مەشھۇر شائىرلار ۋە ئالىملار كۆپ چىققان. خاندانلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، دۆلەتنىڭ چوڭ ھوقۇقى تۈركلەردىن تەركىب تاپقان ئوردا نۆۋكەرلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. 999-يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسى ۋە غەزنەۋىيلەر سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان، زېمىنى بۆلۈۋېلىنغان. 

سام تاغام

  • سام تاغام[يەشمىسى:] ئامېرىكىنىڭ لەقىمى. 1812-يىلدىكى ئامېرىكا-ئەنگلىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە پەيدا بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ چاغدىكى نيۇ-يورك شتاتىنىڭ تروي (Troy) شەھىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي قورال-ياراق بۇيرۇتمىسىنى تەكشۈرىدىغان، سامۇل ۋىلسون ئىسىملىك بىر ئەمەلدار بار ئىكەن، شۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇنى «سام تاغام» دەپ ئاتىشىدىكەن. ئىنگلىز تىلىدىكى «سام تاغام (Unclesam)» دېگەن سۆزنىڭ بىرىنچى ھەرپى U بىلەن S بولىدۇ. دېمەك، «ئامېرىكا» دۆلىتىنىڭ قىسقارتىلغان نامى U.S - گە ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا كىشىلەر چاقچاق قىلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ U.S دېگەن خەت بېسىلغان ھەربىي بۇيۇملار ساندۇقىنى چوڭ سام تاغامنىڭ ساندۇقى دېيىشىدۇ. ھەجۋىي رەسساملارمۇ ⅩⅨ ئەسىردىكى يېڭى ئىنگلىزلارنىڭ ئوبرازى بويىچە سام تاغامنى ئۈستىگە توق كۆك رەڭلىك فراك، يوللۇق شىم كىيگەن، كەكە ساقاللىق ياداڭغۇ ئادەم قىلىپ سىزاتتى. 1961-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «سام تاغام» ۋە ئۇنىڭ ئوبرازىنى «ئامېرىكىنىڭ سىمۋولى» قىلىش توغرىسىدا قارار ماقۇللانغان. 

سامودرا دۆلىتى

  • سامودرا دۆلىتى[يەشمىسى:] (Samudra) ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. سوماترا ئارىلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. شەرقىي دىيارو، غەربىي ناگۇرا (Nagura) دۆلىتى ۋەلىدې بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى قۇرۇلغان. 1292-يىلى ئىتالىيىلىك ساياھەتچى ماركوپولو بۇ دۆلەتكە بارغان. ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى مادجاپات دۆلىتىنى بويسۇندۇرغان. كېيىن ناگۇرا دۆلىتى بىلەن پات-پات تۇتۇشۇپ كەلگەن. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ بېشىدا جۇڭگولۇق دېڭىز ساياھەتچىسى جېڭخې بۇ يەردە ئۈچ قېتىم زىيارەتتە بولغان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا كۈچى زەئىپلىشىپ، كېيىن ئاچى دۆلىتى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 

سامورى تۇرې

  • سامورى تۇرې[يەشمىسى:] (Samory Toure، تەخمىنەن 0091 - 0381) گۋىنىيە مىللىي قەھرىمانى. سانانكوتو (Sanankoto) دا تۇغۇلغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا سودىگەرچىلىك قىلغان، 1853-يىلى ئەسكەرلىككە كىرگەن. كېيىن ئوئاسسۇلو (Ouassoulou) دۆلىتىنى قۇرغان. 1880-يىلى فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، غەربىي سۇدان قەبىلىلەر ئىتتىپاقى — ماندىنكا (Mandinka) پادىشاھلىقىنى تەشكىل قىلىپ، ئەمىر ۋە ئىماملىققا كۆرسىتىلگەن. دۆلەتنى ئىسلام دىنى پرىنسىپلىرى بويىچە ئىدارە قىلغان، ھەربىي قىسىمنىڭ قورال-ياراقلىرىنى ياخشىلىغان ۋە ستراتېگىيە-تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتكەن. 6881 - 2881-يىللىرى فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، فرانسىيە قوشۇنلىرىنى بىرنەچچە قېتىم چېكىندۈرۈپ، ئۇلارنى سۈلھ تۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان. 1891-يىلى يەنە ئۇرۇش قوزغىلىپ، فرانسىيە ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئەھۋالدا، ئۆزلۈكىدىن چېكىنىپ، پىل چىشى قىرغىقى ۋە لىبېرىيىگە يۆتكىلىپ جەڭ قىلغان. خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن، 1898-يىل 9-ئاينىڭ 29-كۈنى جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە ئېلىنىپ، گابۇنغا سۈرگۈن قىلىنغان. 

سامو كىنەزلىكى

  • سامو كىنەزلىكى[يەشمىسى:] غەرب سلاۋيانلىرى قۇرغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى فېئوداللىق دۆلەت، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى سامو (Samo، ؟ 856 -) بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق نام بېرىلگەن. مىلادى 632-يىلى كىنەز سامو (كېلىپ چىقىشى سلاۋيان، فرانك دېگەن گەپمۇ بار) قوشۇن باشلاپ ئاۋارلارنى يېڭىپ، ئۆزىنى گېرتسوگ دەپ ئاتاپ، دۆلەت قۇرغان، ئۇنىڭ زېمىنى موراۋىيە ۋە نىترا (Nitra) نى مەركەز قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا چېخ (بوخېمىيە)، سىلوۋاك، لۇزىس قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 631-يىلى فرانكلارنى يېڭىپ، كىنەزلىككە غەربتىن كېلىدىغان خەۋپنى يوقاتقان. 658-يىلى سامو ئۆلگەندىن كېيىن، كىنەزلىك پارچىلىنىپ كەتكەن. 

سامۇ-ئەنگلىيە ئۇرۇشى

  • سامۇ-ئەنگلىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ياپونىيە توكۇگاۋا شوگونلۇقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى سامۇ ۋاسساللىقى بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش. 1862-يىلى شېگمەي ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە شوگنات ھۆكۈمىتى ئارقىلىق سامۇ ۋاسساللىقىدىن زىياننى تۆلەپ بېرىش ۋە جىنايەتچىنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن سامۇ ۋاسساللىقى ئۇنى رەت قىلغان. 1863-يىل 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانى كوئوپېر ھەربىي پاراخوتتىن يەتتىنى باشلاپ يوكۇخامادىن يولغا چىقىپ، 10-كۈنى كاگوسما قولتۇقىغا يېتىپ كەلگەن. 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئەنگلىيە فلوتى سامۇ ۋاسساللىقىنىڭ كېمىسىدىن ئۈچنى تۇتۇۋالغان ھەمدە قىرغاقتىكى پوتەيلەر بىلەن تۇتۇشۇپ قالغان، لېكىن بورانلىق يامغۇردا ئەنگلىيە پاراخوتلىرى ناھايىتى زور چىقىمغا ئۇچراپ، بايراقدار پاراخوتنىڭ باشلىقى بولۇپ 60 نەچچە ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان. سامۇ ۋاسساللىقى تەرەپتىنمۇ ئون نەچچە ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان، كاگوسما شەھىرى كوچىلىرىنىڭ تەخمىنەن ئوندىن بىرى ۋەيران بولغان. 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ، تۆت قېتىملىق سۆھبەت ئارقىلىق، سامۇ ۋاسساللىقى جىنايەتچىنى جازالاشقا (ئىجرا قىلمىغان) ھەمدە 25 مىڭ فوندستېرلىڭ تۆلەشكە ماقۇل بولغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئارقىلىق سامۇ ۋاسساللىقى ئەنگلىيىنىڭ ھەربىي كۈچىنى تونۇپ يەتكەن، ئەنگلىيىمۇ سامۇ ۋاسساللىقىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئېتىراپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇ-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى ئەكسىچە كۈندىن-كۈنگە قويۇقلاشقان. 

سامۇدرا گۇپتا

  • سامۇدرا گۇپتا[يەشمىسى:] (Samudragupta،؟083 -). ھىندىستاندىكى گۇپتا خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (تەخمىنەن 330 - 380)، چاندرا گۇپتا Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، كەڭ تۈردە جازا يۈرۈشى قىلغان. ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى مەدھىيىلىگەن «ئارا ھابا مەدھىيىسى» دىن قارىغاندا، ئۇ شىمالىي ھىندىستاندىكى توققۇز پادىشاھنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى گۇپتا خاندانلىقىنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋالغان، شەرقتە براخما پۇترا دەرياسىدىن باشلاپ، غەربتە ھىندى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغىچە بولغان شىمالىي ھىندىستاندىكى كەڭ رايوننى كونترول قىلغان. كېيىن يەنە جەنۇبقا كېڭەيمىچىلىك قىلغان. مەڭگۈ تاش ئابىدىلەرگە قارىغاندا، ئۇ جەنۇبىي ھىندىستاندىكى سەردارلاردىن 12 نى ئەسىر ئېلىپ، بويسۇندۇرغاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن. شېئىر يېزىش ۋە ئاھاڭغا سېلىشقا ئۇستا ھەمدە مەدەنىيەت-سەنئەتنى تەشەببۇس قىلغان ۋە قوغدىغان، «شائىر شاھ» دەپ شۆھرەت قازانغان. براخمان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، لېكىن باشقا دىنلارغىمۇ كەڭچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان. 

سامۇرايلار گۇرۇھى

  • سامۇرايلار گۇرۇھى[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ خېيئان دەۋرىدە شەكىللەنگەن قورۇق ئەمەلدارلىرىنى يادرو قىلىپ تەشكىللەنگەن ھەربىي گۇرۇھ. بەگلىك ئەمەلدارلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ئۆزئارا ھوقۇق ۋە زېمىن تالىشىشنى مەقسەت قىلغان. دەسلەپتە ئۇ قوۋم مۇناسىۋىتىنىڭ بىرلىشىشى بولۇپ، قورۇق ئەمەلدارلىرى ئۆز جەمەتىنى بىرلەشتۈرۈپ تەشكىللەپ چىققان. كېيىن مەركەزدىن يەرلىككە بېرىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئاقسۆڭەكلەر يەرلىك زېمىندارلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، خوجايىنلىق ۋە بېقىندىلىق مۇناسىۋەت (سوريو[Soryo]تۈزۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى شەكىللەندۈرگەن. خوجايىن قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تاللاپ ئۆزىنىڭ بېقىندىسى قىلغان. خوجايىن بېقىندىلىرىغا يەر بەرگەن ۋە ھەر جەھەتتىن ھامىيلىق قىلغان؛ بېقىندىلار خوجايىنغا مۇتلەق سادىق بولغان ھەمدە ھەربىي ۋە باشقا مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆتىگەن. خوجايىننىڭ جەمەتىگە تەۋە بولغان بېقىندىلار «ئائىلە پەرزەنتلىرى» دەپ ئاتالغان، غەيرىي جەمەتتىن بولغان بېقىندىلىرى «ئەزىمەتلەر» دەپ ئاتالغان. ھەرقايسى جايلاردا شەكىللەنگەن سامۇرايلار گۇرۇھى ئىچىدە خۇەن ۋۇپىڭ جەمەتى بىلەن چىڭ خېيۇەن جەمەتى ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، سامۇرايلار ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى سامۇرايلار كۈچلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ، ھەربىي فېئوداللارنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھاكىمىيەت تۈزۈمى شەكىللەنگەن. سامۇرايلار گۇرۇھىنىڭ بىرلىشىش فورماتسىيىسى قانداشلىق مۇناسىۋىتى ۋە رايون مۇناسىۋىتىنىڭ بىرلىشىشىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، يېغىلىق دەۋرىگە كەلگەندە بەگلەر ئەمەلدارلار گۇرۇھىنى تەشكىللىگەندىن كېيىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. 

سامۇرايلىق

  • سامۇرايلىق[يەشمىسى:] ياپونىيە سامۇرايلىرىنىڭ فېئوداللىق ئەخلاقىي كۆز قارىشى. كاماكۇرا شوگناتى دەۋرىدە باشلانغان. ئۇ شوگنات بىلەن سامۇرايلار ئوتتۇرىسىدىكى فېئوداللىق خوجايىنلىق ۋە بېقىندىلىق مۇناسىۋەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگودىن تارقالغان كۇڭزىچىلار تەلىماتى بىلەن ديانا(Dhyana) مەزھىپىنىڭ كۆز قارىشى بىرلەشتۈرۈلگەن ئەخلاق بولۇپ، سامۇرايلاردىن خوجايىنغا سادىق بولۇش، نامغا ئەھمىيەت بېرىش، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماسلىق، باتۇرلۇقنى قەدىرلەش، نومۇسچان بولۇش-ۋەدىسىدە تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى تەلەپ قىلىدۇ. فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەمكەملەيدىغان سادىق مالايلارنى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. سامۇرايلار دائىم قىلىچ ئېسىپ يۈرۈپ ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ياپونىيىنىڭ فېئوداللىق دەۋرىدە سامۇرايلار روھى فېئوداللىق تۈزۈمىنىڭ مۇھىم ئىدىيىۋى تۈۋرۈكى بولۇپ، بارگاھ ھۆكۈمىتى ھۆكۈمرانلىقى ئۇنى يېتىشتۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. سامۇرايلار تەبىقىسى مېيجى يېڭىلىقى دەۋرىدە قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن سامۇرايلىق ئۇزاق مۇددەتكىچە ھۆكۈمرانلار سىنىپىي تەرىپىدىن تەرغىپ قىلىنغان ۋە سۇيىئىستېمال قىلىنغان. 

سامۇ ۋاسساللىقى

  • سامۇ ۋاسساللىقى[يەشمىسى:] كاگوسىما ۋاسساللىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياپونىيىدىكى يېغىلىق دەۋرىدىن كېيىنكى مۇھىم ۋاسساللارنىڭ بىرى. ئېدو دەۋرىدىكى ۋاسسال ئىگىسى شىمازۇ سامۇ، ئوسۇمى ئىككى بەگلىك (ھازىرقى كاگوسىما ناھىيىسى) نى ۋە خىناتا بەگلىكى (ھازىرقى مىيازوكى ناھىيىسى) نىڭ بىر قىسمىنى بۆلۈۋالغان. توكۇگاۋا شوگونلۇقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، خان ئوردىسى بىلەن شوگناتنىڭ ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سامۇ-ئەنگلىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ۋاسساللىقنىڭ سىياسىي فاڭجېنى تەدرىجىي ئۆزگىرىپ، سىرتقا قارىتا ئەنگلىيە بىلەن يېقىنلىشىشقا، ئىچكى جەھەتتە پادىشاھقا ھۈرمەت قىلىش، شوگناتنى ئاغدۇرۇش تەرەپكە بۇرۇلۇشقا باشلىغان. يېڭىلىق يارىتىش ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سامۇ ۋاسساللىقىدىن چىققان شوگناتنى ئاغدۇرۇش تەرەپدارلىرى سىياسىي ساھە ۋە ھەربىي ساھەدە ناگاسۇ ۋاسساللىقى بىلەن بىر قاتاردىكى سامۇ ۋاسساللىقىنى شەكىللەندۈرگەن. 1871-يىلى ۋاسساللىقنى بىكار قىلىپ ناھىيە قۇرۇش يولغا قويۇلغاندا، كونا ۋاسساللىقنىڭ ئاساسىي قىسمى كاگوسىما ناھىيىسى قىلىنغان. 

سامۇئىل

  • سامۇئىل[يەشمىسى:] (Самуил،؟- 1014) غەربىي بۇلغارىيە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (4101 - 799). مىلادى 969-يىلى ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى غەربىي بۇلغارىيە فېئودال ئاقسۆڭەكلىرى تۇنجى بۇلغارىيە پادىشاھلىقىدىن ئايرىلىپ، غەربىي بۇلغارىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 972-يىلى شەرقىي شىمالىي بۇلغارىيىنى ۋىزانتىيە بېسىۋالغان. سامۇئىل ئەسكەر باشلاپ بېرىپ ۋىزانتىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، قولدىن كەتكەن يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى قايتۇرۇۋالغان. كېيىن يەنە ۋىزانتىيىنىڭ قولىدىن ماكېدونىيە (سالونىكا بۇنىڭ سىرتىدا)، سېسالى، ئىپىروسىل ھەمدە ئالبانىيىنىڭ بىر قىسمىنى تارتىۋالغان. 997-يىلى ئىمپېرىيە قۇرۇپ، ئوخرىد (Ohrid، ھازىرقى يۇگوسلاۋىيىدە) نى پايتەخت قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، ۋىزانتىيە قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، 1014-يىلى ساموئىلنى مەغلۇپ قىلغان، 1018-يىلى ئوخرىدنى ئىشغال قىلغان، شۇنىڭ بىلەن غەربىي بۇلغارىيە پادىشاھلىقى يوقىلىپ، بىرىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقىمۇ ئاخىرلاشقان. 

سامنىلار

  • سامنىلار[يەشمىسى:] (Samnites ياكى Samnitae) قەدىمكى ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى سامنى (Samnium) رايونىدىكى ئاھالە، سابىنلار (Sabini) نىڭ تارمىقى بولۇشى مۇمكىن. ئاساسەن ئاپپېننىن تاغ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئاز ساندىكىلىرى دېھقانچىلىق قىلغان. قەدىمكى ئىتالىيە تارىخىدا، قەيسەر، ئۇرۇشقا ماھىرلىقى، رىمنىڭ بويسۇندۇرۇشىغا ئۇزاققىچە قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى بىلەن داڭق چىقارغان. ئىككى قەبىلە گۇرۇھى بولۇپ، شىمالدىكىلەر پېنترى (Pentri)، جەنۇبىدىكىلەر كائودىنى (Caudini) دەپ ئاتالغان. ئىككى قەبىلە ئانچە زىچ بولمىغان ئىتتىپاق قۇرغان، ئىتتىپاق يىغىنى تەسىس قىلغان، زۆرۈر تېپىلغاندا بىر ھەربىي قوماندان تەيىنلىگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلغان رىم كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشقان، ئاخىرى يېرىم ئەسىر داۋام قىلغان ئۈچ قېتىملىق سامنى ئۇرۇشى كېلىپ چىققان. سامنىلار مەشھۇر كاۋدىئان جىلغىسى جېڭىدە رىم ئەسكەرلىرىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان، لېكىن ئاخىرى يېڭىلىپ، رىمغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن يەنىلا پات-پات رىمغا قارشى، ئىگىلىك ھوقۇقنى تالىشىش كۈرىشى ئېلىپ بارغان. مىلادىدىن 88 - 09 يىل ئىلگىرى ئىتالىيىدىكى مىللەتلەرنىڭ رىمغا قارشى ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشىدا ئاساسىي كۈچ بولغان. رىمدىكى مارىئۇس بىلەن سۇللا «ئىچكى ئۇرۇش» قىلغان پەيتتە، يېڭىباشتىن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، نەتىجىدە سۇللا تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان (مىلادىدىن ئىلگىرى 82)؛ شەھەر ۋەيران قىلىنغان، نۇرغۇن ئاھالە ئۆلتۈرۈلگەن، بەزىلىرى قۇل قىلىپ سېتىۋېتىلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن رىم كۆچمەنلىرى سامنى رايونىغا كۆپلەپ كېلىپ، بۇ يەرنىڭ رىملاشتۇرۇلۇشىنى تېزلەتكەن. 

سامنى ئۇرۇشى

  • سامنى ئۇرۇشى[يەشمىسى:] قەدىمكى رىملىقلار بىلەن ئىتالىيە ئاھالىسى بولغان سامنىلار ئۇرۇشى. چوڭراق كۆلەمدىكى ئۇرۇش ئۈچ قېتىم بولغان. بىرىنچى قېتىم (مىلادىدىن ئىلگىرى 143 - 343): مۇنبەت كامپاتىيە رايونىنى تالىشىشتىن كېلىپ چىققان، نەتىجىدە سامنىلار يېڭىلىپ، رىم كامپانىيە رايونىنىڭ كۆپ قىسمىنى (جۈملىدىن كاپۇئانى) ئىشغال قىلىۋالغان. ئىككىنچى قېتىم (مىلادىدىن ئىلگىرى 403 - 723): كائۇدىئۇم، (Caudium، كامپانىيىنىڭ شەرقى) جىلغىسىدىكى جەڭدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 321) رىم ئەسكەرلىرى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، باش ئېگىپ تەسلىم بولغان. بىر مەھەل ئۇرۇش توختىتىلغاندىن كېيىن، رىملىقلار تەييارلىق قىلىۋېلىپ، يەنە ئۇرۇش قوزغاپ، غەلىبە قازانغان، ئۈچىنچى قېتىم (مىلادىدىن ئىلگىرى 290 - 296)، مىلادىدىن 296 يىل ئىلگىرى سېنتىنوم (Sentinum، ئۇمبرىيە چېگرىسى ئىچىدە) دا ھەل قىلغۇچ جەڭ بولۇپ، سامنىلار بىلەن گاللىلار بىرلەشمە قوشۇنى رىم تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. سامنىلار ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى كەينى-كەينىدىن بويسۇنغان، رىم ئاخىرى ئوتتۇرا ئىتالىيىنى بويسۇندۇرۇشنى ئورۇنلىغان. 

سامىتى

  • سامىتى[يەشمىسى:] سانسكرىتچە Samiti نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. قەدىمكى ھىندىستاندىكى ئارىيان قەبىلىسىنىڭ دېموكراتىك ئاپپاراتلىرىدىن بىرى. ئومۇمەن قەبىلىنىڭ خەلق كېڭىشى دەپ قارىلىدۇ، ئۇ قۇرامىغا يەتكەن بارلىق ئەرلەردىن تەركىب تاپىدۇ، قەبىلە باشلىقىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلىپ، قەبىلىنىڭ بەزى چوڭ-چوڭ مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. دۆلەت پەيدا بولغاندىن كېيىن، پادىشاھ ھوقۇقىنىڭ كۈچىيىشى ۋە زېمىنىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ ئۆز رولىنى تەدرىجىي يوقاتقان. 

سامى فراشېرى

  • سامى فراشېرى[يەشمىسى:] (Sami Frasheri، 4091 - 0581) ئالبانىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى مۇتەپەككۇرى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. 1878-يىلى، پۈتۈن ئالبانىيە ھەرىكىتى بىرلىك سېپىنى قۇرۇش ئۈچۈن، تۈركىيىدىكى ئىستانبۇلدا مەخپىي كومىتېتقا قاتناشقان ھەمدە پرىزرېن ئىتتىپاقىنىڭ پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. شۇ يىلى «شەرق ئوبزورى» گېزىتىنى تارقىتىشقا رەھبەرلىك قىلغان. گېزىتتە پرىزرېن ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى پروگرامما لايىھىسىنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭدا ئالبانىيە ئاپتونومىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. ياندۇرقى يىلى 10-ئايدا ئىستانبۇلدا ئالبانىيە نەشرىياتچىلىق جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ رەئىسى بولغان. 80-يىللاردا ئالبان تىلى مەكتىپى قۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدە، تۇنجى ئالبان تىلىدىكى دەرسلىكلەرنى تۈزۈشكە قاتناشقان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، يەر ئاستى ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى:«قامۇس»، «تۈرك تىلى قامۇسى»، «ئەدەبىي تىل لۇغىتى» قاتارلىقلار. 

سامىن ھەرىكىتى

  • سامىن ھەرىكىتى[يەشمىسى:] ياۋا رېمباك (Rembang) رايونىدىكى سامىن (Surantika Samin، تەخمىنەن 1859 — 1914) رەھبەرلىك قىلغان گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى دېھقانلار ھەرىكىتى. سامىن-رېمباڭ رايونىدىكى كەمبەغەل دېھقان بولۇپ، غايىۋى دۆلەت قۇرۇش، بارلىق يەرلەرگە دېھقانلار ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش، بىرلىكتە ئەمگەك قىلىش، ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان؛ باج تاپشۇرۇشنى رەت قىلىشقا ئوخشاش غەيرىي زورلۇق كۈچ بىلەن گوللاندىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، بۇ كەڭ نامرات دېھقانلارنىڭ تازا ھىمايىسىگە ئىگە بولغان. 1905-يىلى كۈرەش غەيرىي زورلۇق دائىرىسىدىن ئېشىپ كېتىشكە باشلىغان، دېھقانلار قوراللىق كۈچ بىلەن يەرلەرنى تارتىۋالغان، شۇنداق قىلىپ مۇستەملىكىچىلىككە، فېئودالىزمغا قارشى داغدۇغىلىق دېھقانلار ھەرىكىتى شەكىللەنگەن. گوللاندىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرىنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇشى ئارقىسىدا، نەچچە مىڭلىغان دېھقان قولغا ئېلىنغان، 1907-يىلى سامىن قاتارلىق سەككىز رەھبەر سۈرگۈن قىلىنغان. 

ساناجا

  • ساناجا[يەشمىسى:] پولەكچە Sanacja نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئەسلى مەنىسى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشىلاش، تەرتىپكە سېلىش دېگەن سۆز. 9391 - 6291-يىللىرىدىكى پولشادىكى فاشىستىك تۈزۈمىنىڭ نامى. 1926-يىلى پىلىسۇدىسكى «ساناجا» (دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىقتىسادىنى «گۈللەندۈرۈش») شوئارى ئاستىدا، ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، فاشىستىك ھۆكۈمرانلىق ئورناتقان، شۇڭا پىلسۇدىسكى ھاكىمىيىتى «ساناجا ھاكىمىيىتى» دەپ ئاتالغان. 

سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى

  • سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى[يەشمىسى:] ئامېرىكا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى. 1935-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا ئىشچىلار بىرلەشمىسىدىكى كان ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى، توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى قاتارلىق 10 سانائەت سىستېمىسىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلىشىپ، «سانائەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى كومىتېتى» نى ئۇيۇشتۇرغان، دۇنيا سانائەت ئىشچىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ پرىنسىپلىرىنى تەقلىد قىلىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى تەشكىللىگەن، لېكىن ئىشچىلار بىرلەشمىسى مەركىزى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىگە بولالمىغان.1938-يىلى سانائەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى كومىتېتى تۇنجى قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنىنى چاقىرىپ، يىغىندا ئىشچىلار بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى قارار قىلىپ، سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىنى قۇرۇپ، لېۋىسنى رەئىسلىككە سايلىغان. 1942-يىلى لېۋىس كان ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىگە باشلامچىلىق قىلىپ، سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، 1945-يىلى ئىشچىلار بىرلەشمىسىگە قايتىپ كەلگەن. 1955-يىلى سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى بىلەن ئىشچىلار بىرلەشمىسى قوشۇلۇپ ئىشچىلار بىرلەشمىسى — سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى بولۇپ شەكىللىنىپ، بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. 

سانائەت ئىنقىلابى

  • سانائەت ئىنقىلابى[يەشمىسى:] يەنى «كەسىپ ئىنقىلابى». 

سانائەت ئىنقىلابى

  • سانائەت ئىنقىلابى[يەشمىسى:] ئادەتتە، كاپىتالىستىك يىرىك ماشىنا سانائىتىنىڭ ئىشخانا قول سانائىتىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. كاپىتالىستىك سىياسىي ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جۇغراپىيىلىك زور بايقاشلاردىن كېيىن، دۇنيا بازارلىرى بارغانسېرى كېڭىيىپ، قول ئەمگىكى ئاساسىدىكى ئىشخانا قول سانائىتى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي قالغان، بۇرژۇئازىيە تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، تېخنىكا ئىنقىلابىي ئېلىپ بېرىپ، ماشىنا ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشقا مەجبۇر بولغان ئىشخانا قول سانائىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتى، ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئىش تەقسىماتىنىڭ بارغانسېرى ئىنچىكىلەپ بېرىشى ۋە ئەمگەك قوراللىرىنىڭ بارغانسېرى مەخسۇسلىشىپ بېرىشى، يىرىك ماشىنا سانائىتى ئۈچۈن ماددىي ۋە تېخنىكىۋى شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. كاپىتالنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىپتىدائىي جۇغلانمىسى ماشىنا سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى زور تۈركۈمدىكى ئەمگەك كۈچى ۋە غايەت كۆپ پۇل كاپىتالى بىلەن تەمىن ئەتكەن؛ بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ تۇرغان توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، سانائەت ئىنقىلابىغا پايدىلىق ئالدىنقى شەرت يارىتىپ بەرگەن. سانائەت ئىنقىلابى ⅩⅧ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا ھەممىدىن ئاۋۋال، شۇ چاغدا كاپىتالىزم ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئەنگلىيىدە مەيدانغا كېلىپ، پاختا توقۇمىچىلىقتىن باشلىنىپ،بارا-بارا قېزىش، مېتاللورگىيە، ماشىنىسازلىق، ترانسپورت قاتارلىق تارماقلارغا كېڭىيىپ،80-يىللاردا پار ماشىنىسىنىڭ كەشپ قىلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى ئارقىسىدا تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئەنگلىيىدە ئاساسەن تاماملانغان. ئامېرىكا، فرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئىچىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سانائەت ئىنقىلابىنى تاماملىغان. سانائەت ئىنقىلابى ھەم ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدىكى غايەت زور ئىنقىلاب ھەم ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تېزلىكتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كاپىتالىزم تۈزۈمىنى يىرىك ماشىنا سانائىتىدىن ئىبارەت ماددىي، تېخنىكىۋى ئاساس ئۈستىگە قۇرۇپ چىققان ھەمدە ئۇنى ئاخىر فېئوداللىق تۈزۈم ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمرانلىق ئورۇنغا چىقارغان. ئۇ يەنە كاپىتالىستلارنىڭ ئىشچىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش دەرىجىسىنى كۈچەيتىپ، ئىشچىلارنى ماشىنىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلاندۇرۇپ، بۇرژۇئازىيىگە قارىمۇقارشى بولغان سىنىپىي كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇنىڭ بىلەن كاپىتالىزمدىكى نېگىزلىك زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن. «سانائەت ئىنقىلابى» دېگەن ئاتالغۇنى ئېنگېلس 1845-يىلى نەشىر قىلىنغان «ئەنگلىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئەھۋالى» دېگەن كىتابىدا ئالدى بىلەن ئىشلەتكەن. 

سان-پاۋلولىقلارنىڭ قۇل تۇتۇش قوشۇنى

  • سان-پاۋلولىقلارنىڭ قۇل تۇتۇش قوشۇنى[يەشمىسى:] ⅩⅥئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە برازىلىيىدىكى سان-پاۋلولىقلارنىڭ ئىچكى جايلاردىكى ئىندىئانلارنى تۇتقۇن قىلىپ، قۇل قىلىدىغان يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنى. ئومۇمەن، سان-پاۋلو رايونىدىكى ياۋروپا-ئىندىئان شالغۇت قان سىستېمىسىدىكى نەچچە مىڭ كىشى (قۇل تۇتۇش قوشۇنى ئەزالىرى، سان-پاۋلولىقلار ياكى مامېلۇكو[Mamelucos]لار دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مىسسىئونېر، ئايال، ھەربىي بايراق قاتارلىقلارنى بىللە ئېلىپ، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئىچكى رايونلىرىغا ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە يۈرۈش قىلىپ، يول بويى زور تۈركۈمدىكى ئىندىئانلارنى تۇتقۇن قىلىپ قۇل قىلغان، ئالتۇن، گۆھەر ئىزدىگەن ياكى ئارىلىقتا يولدا ئولتۇراقلىشىپ كانچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئۇلار شىمالدا ماديېرا ۋە تاپاژوس دەريالىرىنى بويلاپ، ئامازون دەرياسىغا يېتىپ كەلگەن، جەنۇبتا پارانا دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنلىرىنى بويلاپ ئۇراگۋايغا كىرگەن، غەربتە ئۇرابۇپانگا شارقىراتمىسىدىن ئۆتۈپ، پاراگۋايغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، بۈگۈنكى برازىلىيىنىڭ ماتۇ-گروسۇ شتاتىنىڭ مەركىزى كۇياباغا يېتىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشى ئارقىسىدا، كۆپلىگەن ئىندىئان قەبىلىلىرىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ياكى ئۇلار ئۈنۈمسىز يەرلەرگە ھەيدىۋېتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە كەڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرى ئېچىلغان. ئۇلارنىڭ كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى، پورتۇگالىيىنى توردېسللاس (Tordesillas) شەرتنامىسى چېگرا سىزىقىنىڭ سىرتىدىكى، ئەسلى ئىسپانىيىگە بۆلۈپ بېرىلگەن جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كەڭ زېمىننى تەلەپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. 

سانتا ئانا

  • سانتا ئانا[يەشمىسى:] فىلىپپىندىكى جۇڭگو فارفور قاچىلىرى ۋە ساپال قاچىلىرى قېزىۋېلىنغان قەبرىستانلىق. مانىلا شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سانتا ئانا (Santa Ana) ئىبادەتخانىسىدا. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا تېپىلغان. 1961-يىلى تەكشۈرۈپ كولاپ، 202 قەبرىدىن جۇڭگونىڭ سۇڭ سۇلالىسىگە ئائىت 1513 دانە فارفور قاچا قېزىۋېلىنغان. 1966-يىلدىن باشلاپ فىلىپپىن دۆلەتلىك مۇزېي داۋاملىق تەكشۈرۈپ قازماقتا. بۈگۈنگىچە 291 قەبرىدىن جۇڭگونىڭ جەمئىي 1800 دىن ئارتۇق جۇڭگو فارفور قاچا-قۇچىلىرى قېزىۋېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە سۇڭ دەۋرىگە ئائىت فارفور قاچا-قۇچىلار مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگونىڭ فارفور قاچا-قۇچىلىرى بىلەن شۇ جايدا پىشۇرۇلغان ساپال قاچىلار بىللە قېزىۋېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا قوغۇشۇن سىرلىق، جىگەر رەڭلىك، كۆكۈچ رەڭلىك، زەڭگەر رەڭلىك، ئالىچىپار رەڭلىك ۋە دەسلەپكى گۈللۈك فارفور قاچىلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە شەكلى كىچىك چەينەككە ئوخشايدىغانلىرى كۆپ. يەنە سۇڭ دەۋرىگە ئائىت پۇلمۇ قېزىۋېلىنغان. بۇلار جۇڭگو-فىلىپپىن دۆلەتلىرىنىڭ قەدىمكى قاتناش ۋە سودىسىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. 

سانتا ئاننا

  • سانتا ئاننا[يەشمىسى:] (Antonio Lopez de Santa Anna، 6781 - 4971) مېكسىكا زۇڭتۇڭى (5381 - 3381، 4481 - 1481، 7481 - 6481، 5581 - 3581). مۇستەبىت، مۇستەملىكىچى ئارمىيىنىڭ ئوفىتسېرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلىپىدە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن، كېيىن ئىتۇربېدېغا بېقىنغان. مېكسىكا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئارمىيىدە مۇھىم خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. 1833-يىلدىن باشلاپ زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان، كېيىن دۆلەت ئىچىدە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئورناتقان. 1838-يىلى تېكساس توپىلاڭچىلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، تېكساسنىڭ «مۇستەقىل» لىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئامېرىكا-مېكسىكا ئۇرۇشى مەزگىلى (1846 - 1848) دە، 1847-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا ئارمىيىسى مېكسىكا شەھىرىنى بېسىۋالغان. 1848-يىلى ئامېرىكا بىلەن «گۋادالۇپې-ھىدالگو شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، مېكسىكا يېرىمدىن كۆپرەك زېمىنىدىن ئايرىلغان. 1853-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى — ئۆمۈرلۈك مۇستەبىت قىلىپ بېكىتكەن ھەمدە «گادسدېن شەرتنامىسى» (James Gadcden)نى ئىمزالاپ، مېكسىكىنىڭ مېسىلىيە جىلغىسى(Mesillavalle) دىكى 120 مىڭ كۋادرات كىلومېتر زېمىننى ئامېرىكىغا 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىپ بەرگەن. بۇ تارىختا «گادسدېن سېتىۋالغان يەر» دەپ ئاتالغان. ئەكسىيەتچىل ئىچكى-تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈلگەنلىكتىن، خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1855-يىلى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1874-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ، كېيىن كېسەل بىلەن ئۆلگەن. 

سانتاروسا

  • سانتاروسا[يەشمىسى:] (Santorre Annibale de Rossi Santarosa، 1783 - 1825) ئىتالىيە گۈللىنىش ھەرىكىتى مۆتىدىل ئەركىن مەزھىپىنىڭ ۋەكىلى. 1821-يىلى، پىئېمونتې ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلغان. ھەربىي ۋەزىرلىكنى ئۆتىگەن ھەمدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلىي باشلىقى بولغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، فرانسىيىگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇنىڭ «پىئېمونتې ئىنقىلابى توغرىسىدا» دېگەن ئەسلىمىسى نەشىر قىلىنغان، 1822-يىلى فرانسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، كېيىن ئەنگلىيىگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 1824-يىلى گرېتسىيىگە بېرىپ، گرېتسىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرىنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىگە قاتناشقان، كېيىن فرونتتا ئۆلگەن. 

سانتاندىر

  • سانتاندىر[يەشمىسى:] (Francisco de Paula Santander، 0481 - 2971) كولومبىيە مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى، يېڭى گرېنادا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1832 - 1837). دەسلەپكى ۋاقىتلاردا قانۇن ئوقۇغان. 1810-يىلدىن تارتىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىك ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1816-يىلى بولىۋار ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، پايا (Paya)، ۋارگاس زەيلىكى (Pantanode Vargas) ۋە بوياكا جەڭلىرىگە قوماندانلىق قىلىپ غەلىبە قازانغان. كېيىن بۈيۈك كولومبىيە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، مۇۋەققەت زۇڭتۇڭى (1821 - 1827) بولغان. قوشما شتاتچىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ بولىۋارغا قارشى تۇرغانلىقتىن، سۈرگۈن قىلىنغان. زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، چېركاۋنىڭ تەسىرىنى تارايتىپ، مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كېيىن پارلامېنتقا سايلىنىپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ يولباشچىسى بولغان (0481 - 7381). 

سانتايانا

  • سانتايانا[يەشمىسى:] (George Santayana، 2591 - 3681) ئامېرىكىلىق پەيلاسوپ، شائىر. ئىسپانىيىدىكى مادرىدتا تۇغۇلغان. 1872-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغان. 1886-يىلى خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 2191 - 9881-يىللىرى خارۋارد داشۆسىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىدا دەرس بەرگەن. خارۋارد داشۆسىدىن پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، ئۇزاق ۋاقىت ئىتالىيىدە تۇرغان، رىمدا ئۆلگەن. پەلسەپە جەھەتتە چىنلىق نەزەرىيىسىنى تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى ئوبيېكتىپ ئىدېئالىزم بىلەن سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزمنىڭ ئارىلاشمىسىدىن ئىبارەت. ئۇ رېئال دۇنيانى ئىككى ساھە يەنى: ماھىيەتلىك ساھە ۋە مەۋجۇدىيەت ساھەسى دەپ ئايرىپ، ئالدىنقىسى مەڭگۈ ئۆزگەرمەس چۈشەنچە دۇنياسى، كېيىنكىسى دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ماددىي دۇنيا، ئۇ پەقەت ئالدىنقىسىنىڭ ئىنكاسىدىنلا ئىبارەت دەپ قارىغان. بۇ ئەمەلىيەتتە پلاتوننىڭ ئىدىيىچىلىكىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى. ئۇ يەنە ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى دەلىللەپ بەرگىلى بولمايدۇ، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى«ئەقلىي تۇرمۇش»، «شۈبھىچىلىك ۋە ھايۋانلارچە ئېتىقاد»، «ئەپلاتونچىلىق ۋە مەنىۋى تۇرمۇش»، «مەۋجۇدىيەت ساھەسى» قاتارلىقلار. 

سانت-جۇست

  • سانت-جۇست[يەشمىسى:] (Louis Antoineleon Saint Just،4971-7671)فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ياكۇبىنچىلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1789-يىلى ھەجۋىي شېئىر «ئورېگون» (Oregon) نى يېزىپ، ئىنقىلابقا ئاكتىپ قاتناشقان. 1790-يىلى مەملىكەتلىك ئىتتىپاق تۈزگۈچىلەر بايرىمىغا قاتنىشىپ، روبېسپېر (Robespierre) نىڭ سادىق قوللىغۇچىسىغا ئايلانغان. 1791-يىلىنىڭ ئاخىرىدا «فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىي ۋە ئاساسىي قانۇننىڭ ھەقىقىي مەنىسى» نى ئېلان قىلىپ، جامائەتكە تونۇلغان. ئىككىنچى يىلى 9-ئايدا مىللىي ئۇيۇشمىغا سايلانغان. 11-ئايدا مىللىي ئۇيۇشمىدا تۇنجى قېتىم نۇتۇق سۆزلەپ، لۇئى ⅩⅥ نى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. گىروندىچىلارنىڭ شتات ئاساسى قانۇنىغا قارشى تۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1793-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتىغا قاتنىشىپ، گىروندىچىلارغا قاتتىق رەددىيە بېرىپ، ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت قۇرۇشنى، تېررورلۇق سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. فلېئۇروس (Fleurus) جېڭى غەلىبىسىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى روبېسپېرنىڭ ھېبېرتچىلار (Hebert) ۋە دانتونچىلار (Danton) نى باستۇرۇشنى قوللىغان. تۇمۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئۆلتۈرۈلگەن. «سانت-جۇست ئەسەرلىرى»، «سانت-جۇست نۇتۇق ۋە دوكلاتلىرى توپلىمى» قاتارلىقلار بار. 

سانتو دومىنگو خىتابنامىسى

  • سانتو دومىنگو خىتابنامىسى[يەشمىسى:] كارىب دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان بايلىقىنى قوغداش خىتابنامىسى. 1972-يىلى 6-ئايدا، كارىب دېڭىزى بويىدىكى 15 دۆلەت دومىنكانىڭ پايتەختى سانتو دومىنگودا دېڭىز-ئوكيان قانۇنى مەسىلىسى يىغىنىنى ئۆتكۈزگەندە ماقۇللىغان. خىتابنامىدە ئىگىدارلىقتىكى دېڭىز ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەردە تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقى بولغان 12 دېڭىز مىلىلىق دېڭىز تەۋەسى بولۇشتىن باشقا، مەلۇم كەڭلىكتە ئىگىدارلىقتىكى دېڭىزنى ئايرىش كېرەك؛ دېڭىز-ئوكيان تەۋەسىنىڭ ۋە ئىگىدارلىقتىكى دېڭىزنىڭ پۈتۈن رايونى جۇغراپىيىلىك شارائىتقا ئاساسەن، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 200 دېڭىز مىلىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، دەپ بەلگىلىگەن ھەمدە دېڭىز ياقىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىدارلىقتىكى دېڭىز رايونى ئىچىدىكى دېڭىز رايونى، دېڭىز-ئوكيان قىنى ۋە دېڭىز-ئوكيان ئاستىدىكى «تەبىئىي بايلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولۇش» نى بەلگىلىگەن. خىتابنامىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر سانتو دومىنگو گۇرۇھى دەپ ئاتالغان. 

سانتوجىداي

  • سانتوجىداي[يەشمىسى:] ياپونىيە ئېدو شوگونلۇقىنىڭ جايلاردىكى تۆرىلەرنى كونترول قىلىشىدىكى مۇھىم تەدبىر. 1615-يىلى توڭازويا «ھەربىي تۈتۈن توغرىسىدا قانۇن» نى تۈزۈپ سانتوجىداي ئۈچۈن بەلگىلىمە چىقىرىپ بەرگەن. 1635-يىلى توڭازوگو ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تۆرىلەرنىڭ ئىدوغا بېرىپ ھەر يىلى 4-ئايدا بىر قېتىم نۆۋەت ئالمىشىشىنى بەلگىلىگەن. 1642-يىلى يەنە ۋاقىتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئادەتتىكى سودائى تۆرىسىنى (ئەمىلى توڭاغا مەنسۇپ) نىڭ ھەر يىلى 2-ئايدا، مونىگاشى ۋە نىڭاشىمۇنىڭ سودائى تۆرىلىرىنىڭ ھەر يىلى 9-ئايدا ئالمىشىشىنى بەلگىلىگەن، تۆرىنىڭ بىر يىلى ئېدودا، يەنە بىر يىلى خوجىلىق يېرىدە تۇرۇشىنى، مونىڭاشى تۆرىسىنىڭ يېرىم يىلدا ئالمىشىشىنى، شۇيفۇ ۋاسساللىق ۋە شوگنات خىزمىتىگە تەيىنلەنگەن تۆرىنىڭ دائىم ئېدودا تۇرۇشىنى، مازۇڭ شىنىڭ ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم تاۋاپ قىلىشىنى، تۆرىنىڭ خوتۇنىنىڭ دائىم ئېدودا بارىمتاي بولۇپ تۇرۇشىنى بېكىتكەن. يىراقتا تۇرغان تۆرىلەر بۇنىڭ بەدىلىگە كۆپ مىقداردا خىراجەت چىقىم قىلىپ، كېلىپ-كېتىپ تۇرغان. لېكىن ئىدو غايەت زور ئىستېمال شەھىرىگە ئايلىنىپ، روناق تاپقان.186-يىلى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، چوڭ ۋاسسال خوجىلىرى ئۈچ يىلنىڭ بىر يىلىدا ئېدودا تۇرۇشىنى، باشقا تۆرىلەرنىڭ ئۈچ يىلنىڭ يۈز كۈنىدە ئېدودا تۇرۇشىنى، ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنىڭ قەيەردە تۇرۇشىنى تۆرىلەرنىڭ ئۆزى تاللىشىنى بېكىتكەن. بۇ شوگناتنىڭ تۆرىلەرنى كونترول قىلىشىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 

سانتياگو خىتابنامىسى

  • سانتياگو خىتابنامىسى[يەشمىسى:] يەنى «دېڭىز-ئوكيان رايونى توغرىسىدىكى سانتياگو خىتابنامىسى». لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى تۇنجى قېتىم ئىمزالىغان 200 دېڭىز مىلى دېڭىز-ئوكيان ھوقۇقى خىتابنامىسى. 1952-يىل 8-ئاينىڭ 18-كۈنى چىلى، ئېكۋادور ۋە پېرودىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت چىلىنىڭ پايتەختى سانتياگودا ئىمزالىغان. ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمىتى «دۆلەتلىرىمىزنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا يانداش بولغان ھەمدە دېڭىز ساھىللىرىمىزدىن يىراقلىقى 200 دېڭىز مىلىنىڭ ئىچىدە بولغان دېڭىز-ئوكيان رايونلىرىمىزغا مەخسۇس ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تەۋەلىك ھوقۇقى يۈرگۈزىمىز» يەنى «بۇ ئۆزىمىزنىڭ دېڭىز قىنى ۋە دېڭىز ئاستى تۇپرىقىمىزغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىمىز ۋە تەۋەلىك ھوقۇقىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ»، «بارلىق دۆلەتلەر پاراخوتلىرىنىڭ يۇقىرىدا دېيىلگەن دېڭىز رايونلىرىمىزدا دەخلىسىز ئۆتۈشىگە يول قويۇلىدۇ». دېگەننى جاكارلىغان. ئۈچ دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەسىگە ئامېرىكا بېلىقچىلىق كېمىلىرىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 1954-يىل 12-ئاينىڭ 4-كۈنى پېرۇنىڭ پايتەختى لىمادا قوشۇمچە كېلىشىم «لىما خىتابنامىسى» نى ئىمزالاپ، شەرتنامە تۈزۈشكە دۆلەتلەر ئىچىدىكى بىرەر دۆلەتنىڭ دېڭىز-ئوكيان رايونى قوراللىق تاجاۋۇزغا ئۇچرايدىغان بولسا، شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر ھەرىكەت قوللىنىپ، «تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشى» كېرەك، دەپ بەلگىلىگەن. 

سانتياگو رىتسارلار پولكى

  • سانتياگو رىتسارلار پولكى[يەشمىسى:] ئىسپانىيىنىڭ دىنىي خاراكتېرلىك فېئوداللىق ھەربىي تەشكىلاتى. 1161-يىلى قۇرۇلغان. قولدىن كەتكەن زېمىننى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان. كۆپلىگەن يەر ۋە باشقا مال-مۈلۈكلەرنى ئىگىلىۋالغان. ئىسپانىيە مۇستەبىتلىكىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، 1493-يىلى پاپا ئالېكساندرⅥ(Alexander Ⅵ)نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، پادىشاھ فېرناندوⅡ(Fernando Ⅱ) رىتسارلار پولكىنىڭ باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. 

سانجو سانېتومى

  • سانجو سانېتومى[يەشمىسى:] (1981 - 7381) ياپونىيە مېيجى دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مۇھىم ۋەزىر. كيوتودىكى ئوردا مۆتىۋەر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تېنوتاكاشى ئاكىرانىڭ مۇلازىمى. سول قول مۇھاپىزەتچىلەر گېنېرال لېيتېنانتى، دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بولغان. پادىشاھنى ھۈرمەتلەپ، چەت ئەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ تېنونى چەت ئەللىكلەرگە قارشى تۇرۇشقا شەخسەن ئۆزى ئاتلىنىشقا قۇتراتقانلىقتىن، 1863-يىل 8-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە ناگاسۇغا قېچىشقا مەجبۇر بولغان، 1865-يىلى 1-ئايدا ۋەزىرلەر مەھكىمىسىگە (شىمالىي كيوسىيودا) بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، پايتەختكە قايتىپ كېلىپ، مەسلىھەتچى، مۇئاۋىن ھۆكۈمدار، مەسلىھەتچى قوشۇمچە ياردەمچى ۋەزىر، كانتوننىڭ نازارەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1869-يىلدىن باشلاپ ئوڭ قول ۋەزىر بولغان. 1871-يىلى تەيجېڭ ۋەزىرى بولغان. 1885-يىلى ئىچكى كابىنېت تۈزۈمى بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1889-يىلى 10-ئايدا كورودا ئىچكى كابىنېتى ئومۇميۈزلۈك ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى سۈپىتى بىلەن ۋاقىتلىق كابىنېت باش ۋەزىرلىكىنى تا 12-ئايدا ياماكاكې كابىنېتى تەشكىللىگىچە قوشۇمچە ئۆتىگەن. 

سانچى

  • سانچى[يەشمىسى:] «ستۇپا» غا قاراڭ. 

سانچى ستۇپا

  • سانچى ستۇپا[يەشمىسى:] (Sanchi Stupa) «ستۇپا» غا قاراڭ. 

ساندبۇرگ

  • ساندبۇرگ[يەشمىسى:] (Carl Sandburg، 7691 - 8781) ئامېرىكىلىق شائىر، بىئوگراف. ئىللىنوئىس شتاتىدىكى شۋېتسىيىلىك كۆچمەنلەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياشلىق دەۋرىدە ئىشچى بولغان. ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا مەتبۇئاتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ شۋېتسىيە، نورۋېگىيىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە مۇخبىرى بولغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن «چىكاگو كۈندىلىك خەۋىرى» دە 13 يىل ئىشلىگەن، كېيىن يېزىدا تەركىدۇنيا بولۇپ ياشىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى «لىنكولىننىڭ تەرجىمىھالى»(ئالتە توملۇق كىتاب،تەخمىنەن3 مىليون خەتتىن ئارتۇق)، «سالام، ئامېرىكا»، «ھەئە، خەلق»، «كەڭ زېمىندىكى بوران-چاپقۇن»، «چىكاگودىكى ناخشىلار» قاتارلىقلار. ئۇ يەنە ئامېرىكا خەلق قوشاقلىرى ۋە خەلق ناخشىلىرىنى توپلىغۇچى بولۇپ، «ئامېرىكا قوشاقلىرى توپلىمى»، «ئامېرىكا يېڭى قوشاقلىرى توپلىمى» نى يازغان. 

ساندىنو

  • ساندىنو[يەشمىسى:] (Augusto Cesar Sandino، 4391 - 3981) نىكاراگۇئا مىللىي قەھرىمانى. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا دېھقانچىلىق قىلغان، ياشلىق دەۋرىدە گۋاتېمالا، ھوندۇراس ۋە مېكسىكا قاتارلىق جايلاردا ئىشلىگەن. مېكسىكا خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشىگە قاتناشقان. 1926-يىلدىن تارتىپ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرغان، ئامېرىكىنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى تۇرۇش، ئامېرىكا مونوپول كاپىتالىستلىرى تارتىۋالغان يەرلەرنى دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىش، بايلىقنى ئېچىش ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى چاقىرىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئىگە بولغان. پارتىزان ئەترىتى لاس سېگوۋىئاس (Las Segovias) تاغلىق رايوننى تايانچ بازا قىلىپ، يەتتە يىللىق ئامېرىكىغا قارشى قوراللىق كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى 1933-يىلى نىكاراگۇئادىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان. 1934-يىلى 2-ئايدا، نىكاراگۇئا مىللىي مۇھاپىزەت قوشۇنىنىڭ قوماندانى زاموزاگارسىيا (Anastario Zomoza Garcia، 1896 - 1956) تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. 

ساندىيا مەدەنىيىتى

  • ساندىيا مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] ئامېرىكىدىكى تاش قورال دەۋرىدىكى بىر خىل مەدەنىيەت. ئەڭ دەسلەپ يېڭى مېكسىكا شتاتىدىكى ئالبۇكېركې ئەتراپىدىكى ساندىيا (Sandia) ئۆڭكۈرىدە تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۆڭكۈر ئىچىدىكى تۆۋەنكى قاتلامدا ئىككى مەدەنىيەت قاتلىمى بولۇپ، ئۆڭكۈر ئاستىدا تاشتىن ياسىغان ئوچاق، ئوچاق ئەتراپىدا كۆيدۈرۈلگەن ئۇستىخانلار، چاقماقتاش پارچىلىرى، ئۇچلانغان يىرىك ئىشلەنگەن ياۋايى ھايۋان ئۇستىخانلىرى بار. شۇنىڭدەك خېلى رەتلىك، يوپۇرماق شەكىلدىكى، ئىككى بىسى ئۇچلاپ ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلەنگەن ئۇچلۇق قوراللارمۇ بار، ئۇنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتى ئاساسىي قىسمىنىڭ بىر تەرىپىدە دۈمچىكى بار. دەۋرى تەخمىنەن بۇنىڭدىن 10 مىڭ يىلچە ئىلگىرى. 

سان-ساناقسىز يوپۇرماقلار توپلىمى

  • سان-ساناقسىز يوپۇرماقلار توپلىمى[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ قەدىمكى شېئىرلار توپلىمى. مىلادى Ⅶ ئەسىردىن Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى 4500 كۇپلېت شېئىر كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئاھاڭى خەنزۇچە خەت بىلەن ئىزاھلانغان. ئۇنىڭدا قوشاق، قىسقا قوشاق قاتارلىق ژانېردىكى شېئىرلار بار ئىدى. تەھرىر توغرىسىدىكى گەپلەر ئوخشاشمايتتى، ئۇنى ئەڭ ئاخىرى ئوتومې لېموچى (تەخمىنەن 718 - 781) توپلام قىلىپ چىقارغان. جەمئىي 20 جىلد. ئەسەر ئومۇمەن تۆت دەۋرگە بۆلۈنگەن: بىرىنچى دەۋرى سىمارتا قوشاقلىرىدىن 672-يىل (مىبۇمى توپىلىڭى) غىچە، يازغۇچىلاردىن ئىتوكۇچى، ئاكىراتېننو، تېنجى مىتسۇ، شاھزادە ئومىتوكىيو، شاھ كاكۇتا قاتارلىقلار بار ئىدى. ئىككىنچى دەۋرى 017 - 276-يىللىرى (پايتەخت پىڭچېڭجىڭغا يۆتكەلگەن) دىن ئىلگىرى، كاكىموتو خىتومارۇ، تاكاچى كۇرۇخىتو مۇشۇ دەۋرنىڭ ۋەكىللىرى ئىدى. ئۈچىنچى دەۋرى 337-017-يىلىدىن بۇرۇن، شېئىر تەسەۋۋۇردا شەخسنىڭ قابىلىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇنىڭدا خان سارىيىنى مەدھىيىلەشكە ۋارىسلىق قىلغان يامابې كاتو، جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئوتۇموتابىتو (137 - 536) بار ئىدى، كىشىلىك ھاياتنى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سانجۇ مۇشىمارو (660 - 337)، رىۋايەتلەرنى مەدھىيىلەيدىغان تاكاخاشى مىستسومارو بار ئىدى. تۆتىنچى دەۋر 957 - 337 يىلدىن بۇرۇن، ئوتومې لېموچى ۋەكىللىك قىلغان دەۋر؛ قەدىمكى خۇش خۇي قوشاقلار زەئىپلىشىپ، ئاھاڭ بارا-بارا مۇقىملاشقان، بۇنىڭدىن باشقا، مەسىلەن «شەرق كۈيى»، «خوختو كۈيلىرى» دە شەرقنىڭ ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكى ئوچۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئېدو دەۋرىدە، كېئى توسۇكۇ (1071 - 0461) يازغان «سان-ساناقسىز يوپۇرماقلار خاتىرىسى»، كاموچى ماسازۇمى (8581 - 1971) يازغان («سان-ساناقسىز يوپۇرماقلار توپلىمىنىڭ قەدىمكى مەنىسى» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى مۇھىم ئىزاھات كىتابى ھېسابلىنىدۇ. 

سان-ستېپېن پادىشاھلىقى

  • سان-ستېپېن پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] ئاۋسترىيە ھابسبۇرگ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ۋېنگرىيە ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان رايونلار. ئەسلى مىلادى 1000-يىلى كىنەز ستېپېن («ستېپان» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) قۇرۇپ چىققان ۋېنگرىيە پادىشاھلىقىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 1687-يىلى ئاۋسترىيە تۈركلەرنى ۋېنگرىيىدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيە كورۇلى لېئوپولدⅠ(LeopoldⅠ) سان-ستېپېنغا پادىشاھلىق تاجىنى كىيدۈرۈپ، ھابسبۇرگ سۇلالىسى ۋېنگرىيىنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىدىغان پادىشاھلىق ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەكىلى دەپ جاكارلىغان. 1699-يىلدىن باشلاپ پۈتكۈل ۋېنگرىيە ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان زېمىنلار ھابسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا قويۇلغان. كېيىن ۋېنگرىيە خەلقى ۋە لىبېرال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ قارشى تۇرۇشى ئارقىسىدا، 1784-يىلى ئاسترىيە كورۇلى جوسېفⅡ (JosephⅡ) سان- ستېپېنغا پادىشاھلىق تاجىنى كىيدۈرۈشنى رەت قىلغان ھەمدە پادىشاھلىق تاجىنى ۋېناغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ۋېنگرىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ سىياسىي ئورنىنى ئاجىزلاتقان، لېكىن 1790-يىلى جوسېف Ⅱ فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ ئاۋسترىيىگە تۇتىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، زىددىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ۋېنگرىيە ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن مۇرەسسەلىشىپ، سان-ستېپېننىڭ پادىشاھلىق تاجىنى ۋېنگرىيىگە قايتۇرۇپ بەرگەن. شۇ يىلى 2-ئايدا، ئوغلى لېئوپولد Ⅱ ۋېنگرىيە ئاساسىي قانۇنىغا قەسەم بېرىپ، پادىشاھلىق تاجىنى كىيىپ ۋېنگرىيە كورۇلى بولغان. شۇنىڭ بىلەن، ئاۋسترىيە خان جەمەتى بىلەن ۋېنگرىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئەكسىيەتچىل ئىتتىپاقى مەيدانغا كېلىپ، ۋېنگرىيە ھابسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ بېقىندى دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ پادىشاھلىقنىڭ زېمىنى ۋېنگرىيە پادىشاھلىقى، ترانسىلۋانىيە كىنەزلىكى، كرودىيە پادىشاھلىقى، سلوۋېنىيە پادىشاھلىقى، سېربىيىنىڭ ۋويۋودىنا ئۆلكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1867-يىلى ۋېنگرىيە بىلەن ئاۋسترىيە قوشۇلۇپ، ئىككى پالاتالىق ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، بۇ نام كۆپ ئۇچرىمايدىغان بولۇپ قالغان. 

سان ستېفانو سۈلھ شەرتنامىسى

  • سان ستېفانو سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] روسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى 8781 - 7781-يىللىرىدىكى ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇش سۈلھ شەرتنامىسى. 1878-يىل 3-ئاينىڭ 3-كۈنى سان ستېفانو (San Stefano، ئىستانبۇلنىڭ يېنى) دا ئىمزالانغان. سۈلھ شەرتنامىسىغا ئاساسەن، روسىيە جەنۇبىي كاپكازنىڭ كارس (Kapc)، ئارداگان (Ардаган) باتۇمى (Батуми) بايازېت (Баязет) قاتارلىق جايلىرى ۋە بىسسارابىينىڭ جەنۇبىي قىسمىغا ئىگە بولغان، سېربىيە، رۇمىنىيە، مونتېنېگرو (Montenegro ياكى Crna Goro) تۈركىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان؛ بوسىنىيە ۋە گېرتسىگوۋىنا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلغان؛ بۇلغارىيە كىنەزلىكى قۇرۇلغان. روسىيە كۈچىنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىدىكى كېڭەيمىچىلىكى ئەنگلىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىغان. شۇ يىلى «بېرلىن شەرتنامىسى» ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن. 

سان-فرانسىسكو ياپونىيىگە قارىتىلغان سۈلھ شەرتنامىسى

  • سان-فرانسىسكو ياپونىيىگە قارىتىلغان سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ ياپونىيە بىلەن ئىمزالىغان بىر تەرەپلىمە سۈلھ شەرتنامىسى.1951-يىل 9-ئاينىڭ 8-كۈنى سان فرانسىسكودا ئىمزالانغان. 1952-يىل 4-ئاينىڭ 28-كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان. ئامېرىكا بۇ يىغىنغا ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان، ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان جۇڭگونى تەكلىپ قىلمىغان. ھىندىستان، بىرما، يوگۇسلاۋىيىلەر تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەكىل ئەۋەتمىگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى، پولشا ۋە چېخوسلوۋاكىيىلەر يىغىنغا قاتناشقان بولسىمۇ، شەرتنامىگە ئىمزا قويمىغان. شۇ قېتىمقى ياپونىيە بىلەن قىلىنغان سۈلھ شەرتنامىگە پەقەت ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق 48 دۆلەت ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇ قانۇنسىز، بىر تەرەپلىمە شەرتنامىدىن ئىبارەت. شەرتنامە جەمئىي 7 باب، 27 ماددا بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: ياپونىيە بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ھالىتى مۇشۇ شەرتنامە كۈچكە ئىگە بولغاندىن باشلاپ، ئاخىرلىشىدۇ؛ ھەرقايسى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ياپونىيىنىڭ بىر «ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت» ئىكەنلىكىنى، «ياپونىيە خەلقىنىڭ ياپونىيە ۋە ئۇنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قارىتا تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى» ئېتىراپ قىلىدۇ؛ ياپونىيە چاۋشيەننىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، شۇنىڭدەك تەيۋەن ۋە پېڭخۇ تاقىم ئاراللىرىغا بولغان بارلىق ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ؛ ياپونىيە رىيۇكيۇ تاقىم ئاراللىرى بىلەن بۇنىڭدىن (ئوگاساۋارا) تاقىم ئاراللىرىنى ب د ت ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ «ۋەكالىتەن باشقۇرۇشى» غا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قوشۇلىدۇ؛ ياپونىيىنىڭ ئۆز ئالدىغا ياكى كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى بولىدۇ ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك كېلىشىملىرىگە قاتنىشالايدۇ؛ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسى ياپونىيىدىن بالدۇرراق چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى لازىم. ئەمما چەت ئەل قوراللىق قىسىملىرى ياپونىيە بىلەن تۈزگەن ئىككى تەرەپلىمە ياكى كۆپ تەرەپلىمە كېلىشىم بويىچە ياپونىيە زېمىنىدا تۇرىدۇ ياكى قالىدۇ. يەنە شۇ كۈنى ياپونىيە ئامېرىكا بىلەن «ياپونىيە-ئامېرىكا خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. «سان-فرانسىسكو ياپونىيىگە قارىتىلغان سۈلھ شەرتنامىسى» ۋە «ياپونىيە-ئامېرىكا خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى» ئارقىلىق ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ تولۇق ئىشغالىيىتىدىن يېرىم ئىشغالىيەت ھالىتىگە ئۆتكەن. جۇڭگو 1951 -يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋە 1952-يىل 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىككى قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قانۇنسىز سۈلھ شەرتنامىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

سان-فرانسىسكو يىغىنى

  • سان-فرانسىسكو يىغىنى[يەشمىسى:] بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىنى تۈزۈش يىغىنى. يىغىنغا 1945-يىلى 2-ئايدىكى يالتا يىغىنىنىڭ قارارىغا بىنائەن جۇڭگو، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيىلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «بىرلەشكەن دۆلەتلەر خىتابنامىسى» گە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەر تەكلىپ قىلىنغان. يىغىن 1945-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ سان-فرانسىسكو شەھىرىدە ئېچىلغان. 56 دۆلەتتىن 282 نەپەر ۋەكىل قاتناشقان. يىغىن يىغىن رەئىسى، پولشا، ئارگېنتىنا قاتارلىق دۆلەتلەرنى يىغىنغا تەكلىپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئادەتتىكى مۇنازىرە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن،5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ ب د ت نىزامنامىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە بېكىتىش، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئاۋازغا قويۇش تەرتىپى، خەلقئارالىق ۋەكالىتەن باشقۇرۇش، رايون خاراكتېرلىك تەشكىلاتلار، ب د ت يىغىنىنىڭ ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇنازىرىنى قانات يايدۇرغان. يىغىندا ئاساسىي جەھەتتىن دۇمبارتۇن كاشتانزارلىقى يىغىنىدا تەييارلانغان تەكلىپ لايىھىسىگە بىنائەن، 6-ئاينىڭ 25-كۈنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ھەم نىزامنامىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولغان «خەلقئارا سوت پۈتۈمى» بىردەك ماقۇللانغان. ئىمزا قويۇش رەسمىيىتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى تاماملانغان (پولشا قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن شۇ چاغدا پولشا ھۆكۈمىتى تېخى تەشكىللەنمىگەنلىكتىن،10-ئاينىڭ 15-كۈنى تولۇقلاپ ئىمزا قويغان). 

سانكارا

  • سانكارا[يەشمىسى:] (Sankara،788- 820)، ھىندىستاننىڭ ۋېدا مەزھىپىدىكى پەيلاسوپى. براخمان دىنىنىڭ ئىسلاھاتچىسى. «ئىككى نەرسە ئەمەس نەزەرىيىسى» لىك پەلسەپە سىستېمىسىنى شەرھلەپ ھەمدە بەرپا قىلىپ، «مەن» (Atma) بىلەن «براخما» (Brahma) نىڭ ئۆز گەۋدىسى ئىككى نەرسە ئەمەس، بەلكى ئالەمدىكى بىردىنبر ئەمەلىي گەۋدىدۇر، «دۇنيادىكى خىلمۇخىل ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي ئەمەس، بەلكى ساختىدۇر» دەپ قارىغان. ئۇ ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، دىن تارقىتىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان. بۇددا دىنى بىلەن جىنا دىنىنىڭ قىسمەن ئەقىدىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، براخمان دىنىنى ھىندى دىنى دەپ ئۆزگەرتىپ ئاتىغان. «ئاتما بۇددا» («مېنىڭ تۇيغۇم») قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

سان مارتىن

  • سان مارتىن[يەشمىسى:] (Josede san Martin، 0581 - 8771) جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشى داھىيلىرىدىن بىرى. ئارگېنتىنانىڭ ياپېيۇ (— Yapeyu ھازىرقى كوربېنتېس ئۆلكىسىدىكى سان مارتىن) دىكى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچى ئەمەلدارى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سەككىز يېشىدا ئىسپانىيىگە كۆچۈپ بېرىپ، مادرىد ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1789-يىلدىن كېيىن ئىسپانىيە ئارمىيىسىدە ئوفىتسېر بولۇپ، ئافرىقىدا ئۇرۇش قىلغان. 1808 - 1811-يىللىرى ئىسپانىيىنىڭ ناپولېئوننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، لېيتېنانت ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا مۇستەقىللىك ھەرىكىتى ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى بىلەن،1812-يىلنىڭ باشلىرى ئارگېنتىناغا قايتىپ كېلىپ، ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە قاتناشقان، بۇئېنوس-ئايرېستا ئوقچى ئاتلىق ئەسكەرلەر جۈنتۇەنىنى تەشكىللەپ، 1813-يىلى ئىسپانىيە ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. ئىككىنچى يىلى لاپلاتا شتاتى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئارمىيىسى شىمالىي يول ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەپ، مېندوزا (Mendoza) دا مەشھۇر ئاندېس ئارمىيىسىنى تەشكىللەپ، ئاكتىپلىق بىلەن چىلى ۋە پېرۇنى ئازاد قىلىشنى پىلانلىغان. 1817-يىلنىڭ بېشىدا قوشۇننى باشلاپ، ئاندېس تاغ تىزمىسىدىن ئۆتكەن. شۇ يىلى 2-ئايدا، چىلىنىڭ چاكابۇكو (Chacabuco) دېگەن يېرىدە، ئىسپانىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، سانتياگوغا كىرگەن. جەنۇبتىكى ئوڭۇشسىزلىقلارغا بەرداشلىق بەرگەندىن كېيىن، 1818-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا مائىپۇ (Maipu) دېگەن يەردە ئىسپانىيە ئارمىيىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. بۇنىڭ بىلەن چىلى مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. ئونىگگىنسنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن، 1820-يىلى يەنە قوشۇن باشلاپ، دېڭىزدىن پېرۇغا بېسىپ كىرگەن. ئىككىنچى يىلى 7-ئايدا، لىمانى قولغا كەلتۈرۈپ، پېرۇنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ، دۆلەت نىجاتكارى ئورنىغا كۆتۈرۈلگەن. ھاكىمىيەت بېشىدىكى مەزگىلىدە قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلغان ھەمدە باشقا ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان.1822يىلى 7-ئايدا كۋاياكىلغا بېرىپ بولىۋار (Simon Bolivar) بىلەن كۆرۈشكەندە، پىكىر ئىختىلاپى پەيدا بولۇپ، خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. كېيىن فرانسىيىدە مۇھاجىر بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇشۇ يەردە تۇرغان. 

سانو ئاكىياما

  • سانو ئاكىياما[يەشمىسى:] (7191 - 5681) ياپونىيىلىك تارىخشۇناس. سىياسەتچى. ئېدو (ھازىر توكيو) دا ۋاسسال مەھكىمىسىدىكى رەسەتخانا بېگى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تويو ئاگاخو مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ياش ۋاقتىدا خەلق دوستى جەمئىيىتىگە قاتناشقان، «مىللىي خەۋەر» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بولغان. 1897-يىلى «خوئوسا تارىخى» غا مەسئۇل تەھرىر بولغان. 1898-يىلى «شىن ئانو كۈندىلىك خەۋەرلىرى» نىڭ باش تەھرىرى بولغان. 1903-يىلى «مۇستەقىللىك ئوبزورى» ژۇرنىلىنى چىقارغان. 1905-يىلى دۆلەت سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان. تارىخىي ئىلىم جەھەتتە ئىنستىتۇتچىلارغا قارشى تۇرغان. «ئۇڭئۇسوراي»، «فىڭتەيخې»، «ھازىرقى زامان پۇل ھوقۇق تارىخى» ئەسەرلىرى قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. كېيىن «سانوئاكىياما تارىخىي توپلىمى» نەشىر قىلىنغان. 

سان ئىلدېفونسو شەرتنامىسى

  • سان ئىلدېفونسو شەرتنامىسى[يەشمىسى:] 1796-يىلى 8-ئايدا ئىسپانىيە بىلەن فرانسىيە ئىسپانىيىنىڭ سان ئىلدېفونسو (San Ildefonso) دېگەن يېرىدە ئىمزالىغان شەرتنامە. شەرتنامىگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ «ھۇجۇم-مۇداپىئە ئىتتىپاقى» تۈزۈپ، بىر تەرەپ ئۇرۇشقا دۇچ كەلسە، يەنە بىر تەرەپ دەرھال 25 ھەربىي كېمە، 18 مىڭ پىيادە ئەسكەر ۋە يەتتە مىڭ ئاتلىق ئەسكەر ياردەم بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسپانىيىنىڭ فرانسىيىدىن ئۇرۇش قىلىشىدىكى سەۋەبىنى ئىزاھلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولماسلىقمۇ بەلگىلەنگەن. بۇ شەرتنامە بويىچە ئىسپانىيە 1797-يىلى ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان، ئۇنىڭ ھەربىي فلوتى ئەترىتى سېنت ۋىنسېنت (Capesaintvincent) تۇمشۇقىدىكى دېڭىز ئۇرۇشىدا تارمار بولغان. 

سائوماكوس

  • سائوماكوس[يەشمىسى:] (Saumakos، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىر) بوسفور پادىشاھلىقى (قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقى) دىكى قۇللار قوزغىلىڭىنىڭ باشلىقى. مىلادىدىن 109 يىل ئىلگىرى، پادىشاھلىقنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى پائېرىسادېس Ⅴ (PaerisadesⅤ) ھاكىمىيەتنى پونتوس پادىشاھى مىترىدات Ⅵ كە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. قۇل ئائىلىسىدىن چىققان سىكتاي سائۇماكوس شۇ يەردىكى سىكتايلار ۋە نۇرغۇنلىغان قۇللارنى باشلاپ قوراللىق قارشىلىق قىلىپ، پادىشاھ پائېرىسادېسىنى ئۆلتۈرۈپ ئۆزى پادىشاھ بولغان ھەمدە پونتوسلارنىڭ گېنېرالى دىئوفانتوسنى (Diophantosy) قوغلاپ چىقارغان. پۇل قويغۇزغان، ئۇنىڭغا سائوماكوسنىڭ ئىسمى ۋە سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن (بۇ پۇل ھازىرغىچە ساقلانماقتا). قوزغىلاڭ بىر يىلغىچە داۋام قىلىپ، ئاخىر يېڭىباشتىن كەلگەن دىئوفانتوس تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. سائۇماكوس قولغا ئېلىنىپ قۇربان بولغان، بوسفور پونتوس پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. 

ساۋاركار

  • ساۋاركار[يەشمىسى:] (Vinayak Damodar Savarkar، 6691 - 3881) ھىندىستاندىكى ھىندى دىنى ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبىرى. ماراتا ئەدىبى، ياشلىق دەۋرىدە ئەنگلىيىگە قارشى كۈرەشكە ئاتلانغان، ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يوشۇرۇن قەست قىلىش، يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ۋە قوراللىق قوزغىلاڭ يولى بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلغان. ھىندىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «دوستلار جەمئىيىتى»، «يېڭى ھىندىستان جەمئىيىتى» ۋە «ئەركىن ھىندىستان جەمئىيىتى» دېگەن مەخپىي تەشكىلاتلارنى ئۇيۇشتۇرغان. 1906-يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ قانۇن ئۆگەنگەن. لوندوندا «ھىندىستانلىقلار ئائىلىسى» دېگەن ئەنگلىيىگە قارشى مەخپىي تەشكىلاتنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1910-يىلى ئەنگلىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا چېتىشلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، ئاندامان تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق جايلارغا قامالغان. 1937-يىلى ئەركىنلىككە چىققان. شۇ يىلى ھىندى دىنى ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، ئۇدا يەتتە يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1948-يىلى گەندىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن چېتىشلىقى بار دېگەن گۇمان ۋە دىنىي مەزھەپ پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقى سەۋەبى بىلەن نەزەربەنت قىلىنغان. گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، بومبايدا ئولتۇراقلاشقان، سىياسىي پائالىيەتتە چېكىنىپ چىقىپ، ئىجتىمائىي ۋە دىنىي ئىسلاھات يولىدا كۈچ چىقارغان. «1857-يىلىدىكى ھىندىستان مۇستەقىللىك ئۇرۇشى» دېگەن تارىخىي ئەسىرى ۋە «ساۋاركار ئەسەرلىرى توپلىمى» (ئالتە توم) قاتارلىق كىتابلىرى بار. 

ساۋونارولا

  • ساۋونارولا[يەشمىسى:] (Girolamo Savonarola، 8941 - 2541) ئىتالىيىلىك سىياسىئون ۋە دىن ئىسلاھاتچىسى. فېررارا (Ferrara) دىكى بىر دوختۇر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1475-يىلى بولونادا دومىنگو جەمئىيىتىگە كىرگەن.1482-يىلى فلورېنسىيىگە كۆچۈپ بارغان. 1491-يىلى فلورېنسىيىدىكى سېن مارك موناستىرىنىڭ باشلىقى بولغان. 1494-يىلى فلورېنسىيە خەلق ئاممىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مېدىچ جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇمھۇرىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە بەزى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قوللانغان، مەسىلەن، مۇقىم مۈلۈككە قارىتا دارامەتكە قاراپ ئېشىپ بارىدىغان باج ئېلىش، جازانىخورلارنى قوغلاپ چىقىرىش، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز تارقىتىش قاتارلىقلار؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە نۇرغۇن ھەشىمەتلىك كىيىم-كېچەك، ئۈنچە-مەرۋايىت،زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى، سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە كىتابلار (جۈملىدىن دانتې، بوككا چىئو ۋە پېتىراركنىڭ ئەسەرلىرى) نى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان، دەھرىي مۇزىكىلارنى مەنئى قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇقەددەس ناخشىلارنى قويغان. 1497-يىلى پاپا ئالېكساندر Ⅵ ساۋونارولانىڭ دىندىن چىقىرىلغانلىقىنى جاكارلىغان، شۇنداقلا ئەھلىسەلىپ ئۇيۇشتۇرۇپ فلورېنسىيىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغان. مېدىچ جەمەتىنىڭ قوللىغۇچىلىرىمۇ ھە دەپ جۇمھۇرىيەتكە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. 1498-يىلى 5-ئايدا ساۋونارولا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئەسىرگە ئېلىنىپ، بىدئەتلىك جىنايىتى بىلەن كۆيدۈرۈش جازاسى بېرىلگەن. 1512-يىلى مېدىچ جەمەتى فلورېنسىيىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 

ساۋوي خاندانلىقى

  • ساۋوي خاندانلىقى[يەشمىسى:] ئىتالىيىدىكى ساۋوي (Savoia) جەمەتى قۇرغان خاندانلىق. Ⅺ ئەسىردىن باشلاپ ساۋوي جەمەتى ساۋوي (ھازىرقى فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ۋە ئىتالىيىنىڭ غەربىي شىمالىي رايونى) ۋە پېمونتېغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ⅩⅤ ئەسىردە كىنەزلىك بولغان. 1720-يىلى ئامېدېئو Ⅱ ساردېن پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 1861-يىلى ئېممانۇئېلې Ⅱ ئىتالىيىنى ئاساسەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىتالىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان («ئىتالىيىدىكى گۈللىنىش ھەرىكىتى» گە قاراڭ). 1946-يىلى پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق، پادىشاھلىق تۈزۈم بىكار قىلىنغان، ساۋوي خاندانلىقى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان. 

ساۋوي كىنەزلىكى

  • ساۋوي كىنەزلىكى[يەشمىسى:] ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى فېئودال كىنەزلىك (0271 - 6141) مىلادى Ⅸ ئەسىردە بۇرۇندى پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان. Ⅺ ئەسىردە، ساۋوي جەمەتىدىن بولغان گراف باشقۇرغان، يەنىلا بۇرۇندىغا تەۋە بولغان. 1032-يىلى بۇرۇندى بىلەن بىللە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. 1416-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى پادىشاھى سىگسىمۇند تەرىپىدىن كىنەزلىك دەپ بېكىتىلگەن. ئىقتىسادىي ئارقىدا قالغان، شەھەر چەكلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغىلا ئىگە بولغان ⅩⅦ-ⅩⅥ ئەسىرلەردە، ئىسپانىيە ۋە ئاۋسترىيە ھابىسبۇرگ خاندانلىقى ئىتالىيىنى تالىشىپ فرانسىيە بىلەن قىلغان ئۇرۇش جەريانىدا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. كېيىن ئىسپانىيىنىڭ تەخت ۋارىسلىقىنى تالىشىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان (1701-1714)؛1713-يىلى ئىمزالانغان «ئوترېچ سۈلھ شەرتنامىسى» غا ئاساسەن، سىتسىلىيە ئارىلىغا ئىگە بولغان. 1720-يىلى سىتسىلىيە ئارىلىغا ئاۋسترىيە ئىشغالىيىتىدىكى ساردېن ئارىلىنى تېگىشىۋېلىپ، ساردېن پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ، ساۋوي كىنەزىنى ساردېن كورۇلى دەپ ئاتىغان. 1860-يىلى ساۋوي فرانسىيىگە قوشۇۋېتىلگەن. 1861-يىلى ساردېن ئارىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. 

ساۋىن

  • ساۋىن[يەشمىسى:] (Александр Николаевич Савин، 1873 — 1923) روسىيىلىك تارىخشۇناس. 1895-يىلى موسكۋا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1903-يىلدىن تارتىپ بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1908-يىلى پروفېسسورلۇققا كۆتۈرۈلگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن قىزىل پروفېسسورلار شۆيۈەنىدە ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئۆتىگەن. غەربىي ياۋروپا ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى ۋە يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا بېرىلگەن. ئەنگلىيە ئىنقىلابىي تارىخىغا قارىغاندا، ئاساسەن ⅩⅦ — ⅩⅥ ئەسىرلەردىكى ئەنگلىيە يېزىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭدا دەلىلچىلىك تارىخشۇناسلىقنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ، تارىخىي ماتېرىياللارنى يىغىشقا ئەھمىيەت بەرگەن، كۆپ قېتىم ئەنگلىيىگە بېرىپ نۇرغۇنلىغان ئارخىپ ماتېرىياللىرىغا ئىگە بولغان. ئۇ روسىيە بويىچە ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى تەتقىقاتىدا ستاتىستىكا ئۇسۇلىنى ئەڭ ئاۋۋال قوللانغان تارىخشۇناس. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن: «تۇدور سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەنگلىيە يېزىلىرى»، «لۇئى ⅩⅣ دەۋرى»، «ئەنگلىيە ئىنقىلابى تارىخى ھەققىدە لېكسىيە» قاتارلىقلار بار.

ساۋىنى

  • ساۋىنى[يەشمىسى:] (Friedrich Karl Von Savigny، 1779 — 1861) گېرمانىيىلىك قانۇنشۇناس، قانۇن تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى. 1800 — 1804-يىللىرى ماربۇرگ داشۆسىدە ئوقۇپ دوكتور ئۇنۋانىنى ئالغان. قەدىمكى يۇنان، رىم مەدەنىيىتى، بولۇپمۇ رىم قانۇنىغا پىششىق. 1810 — 1842-يىللىرى بېرلىن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1842 — 1848-يىللىرى پرۇسسىيە قانۇن چىقىرىش ۋەزىرى بولغان. 1814-يىلى «دەۋرىمىزنىڭ قانۇن چىقىرىش ۋە قانۇنشۇناسلىقتىكى بۇرچى» دېگەن مۇھىم ماقالىسىنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭدا قانۇن مەلۇم بىر خىل سىرلىق، ستېخىيىلىك «مىللىي روھ» نىڭ تەرەققىيات نەتىجىسى دەپ قارىغان. گېرمانىيە ھەق تەلەپ قانۇنلىرىنى توپلاشقا قارشى تۇرغان، قانۇن دۆلەت ھاكىمىيىتىدىن كېلىپ چىققان ئەمەس؛ قانۇنشۇناسلارنىڭ ۋەزىپىسى «مىللىي ئاڭ» نى شەرھلەش ھەمدە ھازىرقى قانۇنلارنى ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت، دەپ قارىغان. 1815-يىلى «تارىخىي قانۇنشۇناسلىق ژۇرنىلى» نى تەسىس قىلغان، قانۇن تارىخشۇناسلىقىنى بەرپا قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى «ئوتتۇرا ئەسىردىكى رىم قانۇن تارىخى»، «ھازىرقى زامان رىم قانۇنى سىستېمىسى» ۋە ئەسەرلەر توپلىمى قاتارلىقلار. 

ساي

  • ساي[يەشمىسى:] (Jean Baptiste Say،1767 — 1862) فرانسىيىلىك ئىقتىسادشۇناس، چاكىنا سىياسىي ئىقتىسادنىڭ ۋەكىلى. لېئاندىكى سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، كىچىكىدە سودىگەرچىلىك قىلغان، ئەنگلىيىدە سودىگەرچىلىك تەربىيىسىنى ئالغان. 1790-يىلى «پروۋېنسې خەۋەرلىرى» ژۇرنىلىغا ماقالە يېزىپ تۇرغان. 1794-يىلى «پەلسەپە، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە سىياسىي ئون كۈنلۈك گېزىتى» گە تەھرىرلىك قىلغان. ئىجرائىيە ھۆكۈمەت مەزگىلىدە بىر مەھەل مالىيە مىنىستىرلىكىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. تىرىلىش دەۋرىدە ئەنگلىيىگە ئىقتىسادنى كۆزىتىشكە ئەۋەتىلگەن ھەمدە ئىقتىسادشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. ئۇ ئادام سىمىت تەلىماتىنىڭ چاكىنا قىسمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئابستراكت، ئومۇمىي ماددىي ۋاسىتىلەر ئىشلەپچىقىرىشى دەپ قارىغان، ئۇنىڭدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى چىقىرىپ تاشلىغان؛ ئەمگەك، كاپىتال ۋە يەر ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۈچ ئامىلىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا مەلۇم دەرىجىدە مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئۈنۈم يارىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قىممەت يارىتىلىدۇ؛ ئىش ھەققى، پايدا ۋە يەر ئىجارىسى بولسا ئەمگەك، كاپىتال ۋە يەرلىك مۇلازىمەت ھەققى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىغان، كاپىتالىزم جەمئىيىتىدە سىنىپىي قارىمۇ قارشىلىقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان. شۇنداقلا سىياسىي ئىقتىسادنى ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات ۋە ئىستېمال دېگەن ئۈچ قىسىم (ئۈچكە بۆلۈش ئۇسۇلى) غا ئايرىغان. بۇ نەزەرىيىلەرنى كېيىن بۇرژۇئا چاكىنا ئىقتىسادشۇناسلىرى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى: «سىياسىي ئىقتىساد توغرىسىدا»، «سىياسىي ئىقتىساد دەرسلىكى» قاتارلىقلار. 

سايادابات ئەھدىنامىسى

  • سايادابات ئەھدىنامىسى[يەشمىسى:] «تۈركىيە، ئافغانىستان، ئىراق ۋە ئىران ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن كېڭىشىپ،1935-يىلى 10-ئايدا جەنۋە لايىھىسى ئىمزالانغان. 1937-يىل 7-ئاينىڭ 8-كۈنى تېھراندىكى سايادابات ئوردىسىدا رەسمىي ئىمزالانغان. جەمئىي 10 ماددا بولۇپ، ئۇنىڭدا كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق، ھازىرقى دۆلەت چېگرىسىغا ئۆزئارا ھۈرمەت قىلىش ۋە ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىش مۇناسىۋىتى بەلگىلەنگەن. ياندۇرقى يىلى 6-ئايدا كۈچكە ئىگە بولغان. ئىناۋەتلىك مۇددىتى بەش يىل بولغان. 

ساياسان

  • ساياسان[يەشمىسى:] (Sayasan، تەخمىنەن 1880 — 1931) بىرما كارونچىلار ئۇيۇشمىسى قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى. رۇيماۋ ناھىيىسىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ يېزا دوختۇرى بولغان. كېيىن بىرما خەلق تەشكىلاتى باش ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلاتلارغا قاتناشقان. 1929-يىلى «كارونچىلار ئۇيۇشمىسى» نى تەشكىللەپ، ئۇيۇشمىنىڭ يولباشچىلىقىغا سايلانغان. 1930-يىلى تاراۋادىي (Tharrawaddy) رايونىدىكى دېھقانلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئەنگلىيىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ قىلغان. ئىككىنچى يىلى قاماققا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 

سايگو تاكامورى

  • سايگو تاكامورى[يەشمىسى:] (1828 — 1877) ياپونىيە مېيجى يېڭىلىقى مەزگىلىدىكى مۇھىم ۋەزىر، ھەربىي ئالىم. ساتسۇما ۋاسساللىقىدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ساموراي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئادەتتىكى ئىسمى يوشى ئىتارۇ خىرۇ بولۇپ، لەقىمى ئاكې كۇنى. ياش ۋاقتىدا ۋاسساللىق ھاكىمىيىتى ۋە باكۇ شوگون ھاكىمىيىتىنى ئىسلاھ قىلىش يولىدا تەرەپ-تەرەپلەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. كېئو يىللىرىدا باكۇ شوگناتىنى ئاغدۇرغۇچىلار گۇرۇھىدىكى مەركىزىي شەخسكە ئايلانغان. كىدوكوئىن، ئوكۇبو توشىمىچى قاتارلىقلار بىلەن باكوشوگناتىغا قارشى ساتسۇما، ناگاسۇ ئىتتىپاقىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، پادىشاھنىڭ ھاكىمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىياسىي ئۆزگىرىشىنى پىلانلىغان. مېيجى يېڭىلىقىدا «مەشھۇر ئۈچ شەخس» نىڭ بىرى بولغان. 1868-يىلدىكى ئۇرۇشتا شەرققە يۈرۈش قىلغۇچى باش لەشكەر مەھكىمىسىنىڭ شتاب ئوفىتسېرى بولۇپ، باكۇ شوگناتىنىڭ ۋەكىلى كاتسۇ كايشو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ،تىنچلىق بىلەن ئېدۇغا قوشۇن باشلاپ كىرگەن. مېيجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا مەسلىھەتچى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى، مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ تۇتۇقى بولغان. 1873-يىلى «چاۋشيەنگە يۈرۈش قىلىش» تا چىڭ تۇرغانلىقتىن ئوكۇبو توشمىچى قاتارلىقلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ، خىزمىتىدىن قېلىپ، يۇرتى كاگوشىمادا ماكانلىشىپ قالغان. 1877-يىلى سامورايلار ئۇنى سەركەردىلىككە كۆتۈرگەندە، توپىلاڭ قوزغىغان ئەمما مەغلۇپ بولۇپ كىيامادا قورسىقىنى يېرىپ تاشلاپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. دەسلىپىدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئاسىي دەپ بېكىتىلىپ، كېيىن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. «چوڭ سايگو ئەسەرلىرى» دېگەن ئەسىرى بار. 

سايگو تىسۇگۇمىچى

  • سايگو تىسۇگۇمىچى[يەشمىسى:] (1843 — 1902) ياپونىيە دېڭىز ئارمىيە مارشالى. ساتسۇما ۋاسسالى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سايگو تاكامورىنىڭ ئىنىسى. مېيجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ياۋروپاغا بېرىپ ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئارمىيە تۈزۈمىنى تەكشۈرگەن. 1870-يىلى ئەسكىرىي قىسىملارنىڭ ھوقۇقلۇق باش ۋەزىرى، 1873-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ باش ياردەمچىسى بولغان. 1874-يىلى تەيۋەن قارام يەرلەر ئىشلىرى تۇتۇقى بولۇپ، تەيۋەندىكى گاۋشەن كىشىلىرى ريۇكيۇدىكى سەرگەردان مۇساپىرلارغا زىيان يەتكۈزدى، دېگەننى باھانە قىلىپ، لەشكەر باشلاپ، جۇڭگونىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىگە تاجاۋۇز قىلىپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى 500 مىڭ سەر كۈمۈش تۆلەشكە مەجبۇر قىلغان. 1877-يىلى مۇھاپىزەتچىلەر تۇتۇقى بولغان. 1878-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن مەمۇرىي ئىشلار كاتىپى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە كاتىپى، شتاب باشلىقى، يېزا ئىگىلىك-سودا ئىشلىرى كاتىپى، دېڭىز ئارمىيە كاتىپى بولغان.1885-يىلدىكى ئىتو كابىنېتىدىن باشلاپ، يەتتە قېتىم دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى، ئۈچ قېتىم ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى ھەمدە بىرمەھەل قوشۇمچە يېزا ئىگىلىك-سودا ۋەزىرى بولغان. جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى مەزگىلىدە، دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى، قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى سۈپىتىدە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسى ئەۋەتىپ، چاۋشيەن ۋە جۇڭگوغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. 

سايگون جېڭى

  • سايگون جېڭى[يەشمىسى:] خۇزىمىڭ جېڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋيېتنامنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىدا ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىنى ئازاد قىلىش غەلىبىسى قولغا كەلتۈرۈلگەن جەڭ. 1975-يىلى 3-ئاينىڭ باشلىرىدا، ۋيېتنامنىڭ ئارمىيە ۋە خەلقى ئەتىيازلىق ھۇجۇم قوزغاپ، شىيۇەن جېڭى ۋە خۇئەداناڭ جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، 4-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ ھۇجۇم قوزغاپ، لوڭچېڭ، نىڭشۈن، پىڭشۈن ۋە پىڭسۈي ئۆلكىلىرىنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، 26-ئاپرېلدا ئەسكىرىي كۈچنى بەش يولغا بۆلۈپ، سايگوننىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە لىنىيىسىگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، 30-ئاپرېلدا سايگون-جيادىڭ شەھىرىنى ئازاد قىلغان، قورچاق ھاكىمىيەتنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي پۈتكۈل جەنۇبىي ۋيېتنام تولۇق ئازاد بولۇپ، ۋيېتنام خەلقىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان. 

سايگون شەرتنامىسى

  • سايگون شەرتنامىسى[يەشمىسى:] فرانسىيە ۋيېتنامنىڭ نگۇيېن (Nguyen) سۇلالىسىنى مەجبۇرلاپ سايگوندا ئىمزالىغان تەڭسىز شەرتنامە. جەمئىي ئىككى قېتىم ئىمزالىغان: بىرىنچى قېتىمقىسى، 1858-يىلى فرانسىيە، ئىسپانىيە ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، 1862-يىل 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋيېتنام بىلەن بۇ شەرتنامىنى ئىمزالىغان. جەمئىي 12 ماددا بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى: ۋيېتنام بېن-خۇا، جيادىڭ، دىڭشياڭ ئۈچ ئۆلكىنى ۋە كولون ئارىلىنى فرانسىيىگە بۆلۈپ بېرىش، فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيىگە تۆت مىليون پېسېتا (ئىسپانىيە كۈمۈش پۇلى) تۆلەم بېرىش؛ فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيىگە تۇلون، بالا ۋە گۇاڭئەن پورتلىرىنى ئېچىپ بېرىش؛ فرانسىيە پاراخوتلىرى مېكونگ دەرياسىدا ئەركىن قاتناش؛ كاتولىك دىنىنى ئەركىن تارقىتىشقا يول قويۇش؛ فرانسىيىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرگە يەر بۆلۈپ بەرمەسلىك. ئىككىنچى قېتىمقىسى، 1874-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى فرانسىيە بىلەن ۋيېتنام ئىمزالىغان. جەمئىي 22 ماددا بولۇپ، شەرتنامىگە ئاساسەن، ۋيېتنام فرانسىيىنىڭ ئىگىلىۋالغان جەنۇبىي چېگرىدىكى ئالتە ئۆلكىگە «ئىگىلىك ھوقۇقى» يۈرگۈزۈشنى ئېتىراپ قىلىش؛ ۋيېتنامنىڭ تاشقى سىياسىتى فرانسىيىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولۇش؛ فرانسىيىگە كۇينون، خەيفوڭ، خانوي ماتۇلىرىنى ۋە قىزىل دەريا قاتنىشىنى ئېچىپ بېرىش؛ فرانسىيىلىكلەرنىڭ كونسۇلىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشقا يول قويۇش؛ كاتولىك دىنىغا تولۇق ئەركىنلىك ۋە كۆپلەپ ئىمتىياز بېرىش. سايگون شەرتنامىسى ۋيېتنامنىڭ فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىشىغا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

سايئونجى كىمموچى

  • سايئونجى كىمموچى[يەشمىسى:] (1849 — 1940) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1906 — 1908، 1911 — 1912). كيوتو تۆرىسى سېكا جەمەتىدىن، توكۇ دائىجى كىمئاتسۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى، سايئونجى جەمەتىگە ۋارىسلىق قىلغان. پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىدە مەسلىھەتچى بولغان. 1868-يىلدىكى ئۇرۇشتا سانئىندو باسقاق ۋالىيسى، ئائىنزاۋا جازا يۈرۈشىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان.1871— 1880-يىللىرى فرانسىيىگە بېرىپ ئوقۇغان. دۆلىتىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن مېيجى قانۇن مەكتىپىنى ئاچقان. 1881-يىلى ناكائې چومىن بىلەن بىللە «ياپونىيە ئەركىن خەۋەرلىرى» نى چىقىرىپ، ئۇنىڭ باشلىقى ۋە قوشۇمچە باش مۇھەررىرى بولغان، كېيىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1882-يىلى ئىتو خىروبۇمى بىلەن بىللە ياۋروپاغا بېرىپ ئاساسىي قانۇنلارنى تەكشۈرگەن.1887—1891-يىللىرى گېرمانىيە ۋە ئاۋسترىيىدە ئەلچى بولۇپ تۇرغان. 1894 — 1898-يىللىرى ئۈچ قېتىم مۈلكىي ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ، دۆلەتچىلىك مائارىپ فاڭجېنىنى يۇمشاتقان. 1900 — 1903-يىللىرى مەركىزىي پالاتانىڭ باشلىقى بولغان. 1903 — 1914-يىللىرى ئاساسىي قانۇن چىقارغۇچى مەسلەكداشلار جەمئىيىتىنىڭ لىدېرى بولغان. 1906-يىلى باش ۋەزىر بولغان، كېيىن مالىيە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1911-يىلى يەنە بىرقېتىم كابىنېت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىككى دىۋىزىيە كۆپەيتىپ تەسىس قىلىشقا قارشى تۇرۇپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بىلەن قارشىلىشىپ قالغانلىقتىن، ئىككىنچى يىلى ئىستېپا بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئالىي مەسلىھەتچى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 1919-يىلى ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ پارىژغا بېرىپ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. 1924-يىلى ماتسۇكاتا ماسايوشى ئۆلگەندىن كېيىن، ھايات قالغان بىردىنبىر ئاقساقال سۈپىتىدە، ھەر قېتىملىق كابىنېت ئۆزگىرىشى بولغاندا، تېننوغا باش ۋەزىر نامزاتىنى كۆرسىتىپ بېرىپ تۇرغان. 15-ماي ۋەقەسىدىن كېيىن، ئارمىيە تەرەپنىڭ كۈچىنى باسماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماي، ئاخىر قېرىپ ئۆلگەن. 

سەرگەردان پرولېتارلار

  • سەرگەردان پرولېتارلار[يەشمىسى:] «رىم پرولېتارلىرى» گە قاراڭ. 

سەرگەردانلار

  • سەرگەردانلار[يەشمىسى:] ياپونىيىدىكى شوگنات دەۋرىدە مەرتىۋىسىنى يوقىتىپ، خوجايىندىن ئايرىلىپ ھەر تەرەپتە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن سامورايلار. كاماكۇرا دەۋرىدىلا بۇ سۆز قوللىنىلغان. ئىشسىز قالغان سامورايلار «سەرگەردان ساموراي» دەپ ئاتالغان. ئېدوگاۋا دەۋرىدە ئۇرۇش ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرغان، شوگنات-ۋاسسال سىستېمىسى پارچىلىنىپ، سەرگەردانلار بىر مەھەل بىرنەچچە يۈزمىڭغا يەتكەن، بىرقىسمى كەسپىنى ئۆزگەرتىپ دېھقانچىلىق-سودا بىلەن شۇغۇللانغان، لېكىن تولىسى سامورايلىق ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالغان. مېيجى يېڭىلىقىدىن كېيىن ھەربىي قىسىملار بەزى سەرگەردانلارنى قوبۇل قىلغان، ئۇلار تاجاۋۇزچىلىق-كېڭەيمىچىلىكنىڭ ئاۋانگارتى بولغان. 

سەرگەردانلار ئىتتىپاقى

  • سەرگەردانلار ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] «قانۇننىڭ قوغدىشىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار ئىتتىپاقى» ياكى «قوغلاندى قىلىنغانلار ئىتتىپاقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پارىژدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان گېرمانىيىلىك سىياسىي سەرگەردانلارنىڭ مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتى. 1834-يىلى قۇرۇلغان، ئۇنىڭ تەكتى 1833-يىلى قۇرۇلغان«گېرمانىيە خەلق ئىتتىپاقى». ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ تولىسى قول سانائەت ئىشچىلىرى. ئاساسىي رەھبەرلىرى ئۇششاق بۇرژۇئا دېموكراتى ۋېنېدېي (Jakob Venedey، 1805 — 1871) ۋە سۇستې (Theodor Schuster) قاتارلىقلار. بۇ ئىتتىپاق گېرمانىيىنىڭ فېئودال مۇستەبىت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، «گېرمانىيىنىڭ ئازادلىقى ۋە گۈللىنىشىنى شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسىدە كۆرسىتىلگەن پرىنسىپلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش» نى مەقسەت قىلغان. ئۇ بۇرژۇئا دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگە ۋە خىيالىي سوتسىيالىزمغا ئېتىقاد قىلغان. «سەرگەردانلار» دېگەن ژۇرنىلى بار. 1836-يىلى بۆلۈنۈش پەيدا بولغان، ئۇنىڭ سول قانىتى «ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقى» نى قۇرغان. 

سەككىز ئۆتكەل مۇراسىمى

  • سەككىز ئۆتكەل مۇراسىمى[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ كورىيە سۇلالىسىدىكى مۇھىم دىنىي مۇراسىم. سەككىزئىشتىن پەرھىز تۇتۇش مۇراسىمى دەپمۇ ئاتالغان. ئەسلى بۇددا دىنىدا سەككىز پەرزنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمى بولۇپ، تەركىدۇنياچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە ئىدى، كېيىن دۆلەت تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان نەزىر-چىراغ مۇراسىمىغا ئايلانغان. كورىيە سۇلالىسىنىڭ تۇنجى خانى تەيزۇ (918 — 943-يىلى تەختتە) 10 ماددىلىق تەربىيە ۋە نەسىھەت ئاساسىدا تەقدىر ئىلاھى، بەش چوڭ تاغ، ئاتاقلىق تاغ-دەريالار ئىلاھىغا نەزىر-چىراغ قىلىدىغان سەككىز ئۆتكەل مۇراسىمىنى تەشەببۇس قىلغان.ھەر يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى كەيجىڭدە (ھازىرقى كەيچېڭ شەھىرى) ۋە شىنجىڭ (ھازىرقى پىخىنيان) دا ئۆتكۈزگەن، خىراجىتى مەخسۇس تەسىس قىلىنغان پانۇسچىلار باش نازىرى بىلەن باگۇەنباۋ تەرىپىدىن تەييارلىناتتى، ئۇنىڭ يۈكىنى خەلققە ئارتىپ قوياتتى. مىلادى 982-يىلى (چېڭزۇڭ تۇنجى يىلى) دىن 1009-(شيەنزۇڭ تەختكە چىققان يىل) غىچە بولغان ئارىلىقتا بىر مەھەل توختاپ قالغان، بىراق، كورىيە سۇلالىسىدە ئۇزاق مۇددەت ساقلىنىپ، موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا خان جەمەتى جياڭخۇا ئارىلىدا پاناھلىنىپ تۇرغاندىمۇ داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرغان، كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا بارا-بارا يوقالغان. لى سۇلالىسىگە بارغاندا كۇڭزىچىلىق قەدىرلەنگەنلىكتىن، بۇ مۇراسىم بىكار قىلىنغان. 

سەلجۇق ئىمپېرىيىسى

  • سەلجۇق ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:] سەلجۇق تۈركلىرى غەربىي ئاسىيادا قۇرغان فېئودال دۆلەت. سەلجۇقلار ئەسلى گۇزز(Ghuzz) تۈركلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئۇنىڭ سەردارى سەلجۇق (Seljuk) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. مىلادى Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سەلجۇق ئۆز قەبىلىسىنى باشلاپ سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى رايونىغا كۆچۈپ بارغان. تەخمىنەن 985-يىلى بۇخارانىڭ يېنىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەمدە ئىسلام دىنى سۈننىي مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان. 1040-يىلى سەلجۇقنىڭ نەۋرىسى توغرۇلبەگ قوشۇن باشلاپ، غەزنەۋىيلەر سۇلالىسىنى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن تېزلىكتە ئىران ۋە ماۋرائۇننەھر ۋادىسىنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1055-يىلى باغدادقا كىرىپ ئابباسىلار خاندانلىقىنىڭ خەلىپىسىنى ئۆزىگە سۇلتان ئۇنۋانىنى بېرىشكە مەجبۇرلاپ، سەلجۇق ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. ئالپ ئارسلان (Alp Arslan، 1063 — 1072-يىللاردا تەختتە بولغان) ۋە مەلىك شاھ (Malik Shah، 1072 — 1092-يىللاردا تەختتە بولغان) مەزگىلدە قۇدرەت تېپىپ، سۈرىيە، پەلەستىن، گىئورگىيە(بۈگۈنكى گرۇزىيە)، ئەرمەنىستان ۋە كىچىك ئاسىيانىڭ كۆپ قىسمىنى بويسۇندۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قاراخانىيلار دۆلىتىگە قارىغان. ⅩⅠ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشقا باشلىغان. رۇم سۇلتانلىقى كىچىك ئاسىيادا قۇرۇلغان. ئىراق، سۈرىيە، گېرمان قاتارلىق جايلاردا يەرلىك خاندانلىقلار بارلىققا كەلگەن. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى قارا خىتايلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن مەھرۇم بولغان.1157-يىلى ئىمپېرىيە ئاخىرلاشقان. 

سەنفۇچى

  • سەنفۇچى[يەشمىسى:] «سرىۋىجايا» غا قاراڭ. 

سەنۇسى

  • سەنۇسى[يەشمىسى:] (Muhammad Ibn Ali al - Sanuis، 1787 — 1859) ئىسلام دىنىنىڭ سەنۇسى مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى. ئالجىرىيىدە تۇغۇلغان. 1837-يىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ھىجازدا سەنۇسى مەزھىپىنى قۇرۇپ، سۈننى مەزھىپىگە قارشى تۇرۇپ، ئىپتىدائىي ئىسلام دىنىنىڭ «پاكلىقى» نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1841-يىلى ھىجازدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سىرنىكاغا كۆچۈپ بارغان. 1843-يىلى شۇ يەردە ئافرىقا بويىچە تۇنجى زاۋىيا (Zawiyah) قۇرغان. ئۇنىڭ تەسىرى لىۋىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىچە ۋە سۇداننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغىچە پەيدىنپەي كېڭىيىپ بارغان. ئۆلگەندىن كېيىن بۇ مەزھەپ لىۋىيىنىڭ ئاساسىي دىنىي ۋە سىياسىي كۈچى بولۇپ قالغان. فرانسىيە ۋە ئىتالىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرەشنى تەشكىل قىلغان. 

سەۋىيە جەمئىيىتى

  • سەۋىيە جەمئىيىتى[يەشمىسى:] مەملىكەتلىك سەۋىيە جەمئىيىتىمۇ دېيىلىدۇ. ياپون قەبىلە ئازادلىقى ھەرىكىتىنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك سىياسىي تەشكىلاتى. سائىكو مانكىچى، ساكامو توسېئى ئىچىرو، كومائى كىساكۇلار تەرىپىدىن 1922-يىلى كىيوتودا قۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ باشلىقى ئەن مېيجى، ئورگان ژۇرنىلى «سەۋىيە». ھەرقايسى جايلىرىدا تارمىقى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىرقىي كەمسىتىشكە، سىياسىي زۇلۇمغا ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قۇل قىلىشقا قارشى پائال كۈرەش قىلغان. 1942-يىلى پائالىيىتىنى توختاتقان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپون قەبىلىسى سەۋىيە جەمئىيىتى ھەرىكىتى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، 1946-يىلى «قەبىلە ئازادلىقى مەملىكەتلىك كومىتېتى» تەشكىللىگەن، 1955-يىلى «قەبىلە ئازادلىقى ئىتتىپاقى» غا ئۆزگەرتىلگەن. 

سەئدى

  • سەئدى[يەشمىسى:] يەنى شەيخ سەئدى شىرازى. (Sadi تەخمىنەن 1203 — 1292) پېرسىيە شائىرى. شىرازدا تۇغۇلغان. باغدادتىكى نىزامىيە مەدرىسىدە ئوقۇغان. كېيىن سۈرىيە، مىسىر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئاسىيا-ئافرىقا رايونلىرىدا 20 نەچچە يىل سەرگەردان بولۇپ، ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، ياۋروپادا ئەھلىسەلىپ تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنغان. يۇرتىغا قايتقاندا يېشى 50 تىن ئاشقان. ئەسەرلىرىنىڭ تىلى چۈشىنىشلىك-راۋان، تەبىئىي-ئاددىي بولۇپ، كەڭ تارالغان. ئاساسىي ئەسەرلىرى «بوستان»، «گۈلىستان» (ياكى «قىزىلگۈل بېغى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ) قاتارلىقلار. 

سەي جېنجۇ

  • سەي جېنجۇ[يەشمىسى:] (Sydenstircker Buck Pearl، 1892 — 1973) ئامېرىكىلىق ئايال يازغۇچى. ئەسلى ئىسمى پەرل سېدېنىستىرىكېربوك، سەي جېنجۇ ئۇنىڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئاتاقلىق پاھىشە ئايال «سەي جىنخۇا» نى دوراپ قويۇۋالغان خەنزۇچە ئىسمى. مىسسىئونېر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگودا ئۇزاق مۇددەت تۇرغان. كېيىن ئامېرىكىغا قايتىپ، داشۆدە ئوقۇغان. 1922-يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئومۇمەن جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. لېكىن كۆپ ھاللاردا جۇڭگو جەمئىيىتى بۇرمىلانغان. ئاساسلىق ئەسىرى «ئىقلىم». بۇنىڭدىن باشقا يەنە «بالىلار»، «ئايرىلىش»، «ئەجدىھانىڭ ئوغلى»، «ئىمپېرىيە ئاياللىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. «سۇ بويىدا» نى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان. 1938 -يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

سەيلېندرا خاندانلىقى

  • سەيلېندرا خاندانلىقى[يەشمىسى:] ھىندۇنېزىيىدىكى خاندانلىق سەيلېندرا (Sailendra)، مەنىسى «تاغ پادىشاھى» دېگەنلىك. مىلادى Ⅷ ئەسىردە سۇماترادا (ياۋادا دېگەن گەپمۇ بار) باش كۆتۈرۈپ، سىرىۋىجىيىگە ۋە ياۋانىڭ كۆپ قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەمدە تەسىر دائىرىسى مالاي يېرىم ئارىلى ۋە كېخمىرغىچە يەتكەن. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياۋادىن چېكىنىپ چىققان، ئاندىن ئاستا-ئاستا خارابلاشقان. لېكىن سۇماترادا ⅩⅠ ئەسىردىمۇ سەيلېندرا خاندانلىقىنىڭ پادىشاھىنىڭ نامى يېزىلغان ئويما خەتلەر بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بۇددا دىنىنى تەشەببۇس قىلغان. ياۋادا بوروبۇدۇر ۋە مېندوت (Tjandi Mendut) ئىبادەتخانىسى قاتارلىق مەشھۇر بۇددا دىنى قۇرۇلۇشلىرىنى سالغان. 

سەيىد ئەخمەدخان

  • سەيىد ئەخمەدخان[يەشمىسى:] (Saiyad Ahmed Khan، 1817 — 1898) ھىندىستان ئىسلام دىنى ئىسلاھاتچىسى، ئىجتىمائىي پائالىيەتچىسى، مائارىپچىسى. دېھلىدا تۇغۇلغان. سودىيە بولغان. ئەرەب تىلى، پارىس تىلى ۋە ئىسلام دىنى ئىلاھىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ھىندىستاندىكى ئىسلام مۇرىتلىرى ئارىسىدا دەھرىي مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرغان ۋە ئەنگلىيە مەدەنىيىتىنى كېڭەيتكەن. 1877-يىلى ئالىگارخ (Aligarh) تا ئەنگلىيە-شەرق ئىسلام شۆيۈەنى بۈگۈنكى ئالىگارخ مۇسۇلمانلار داشۆسى) نى قۇرغان. 1886-يىلى ئىسلام مائارىپ جەمئىيىتىنى قۇرغان. ئىسلام دىنىغا ئائىت ئىلاھىيەتنىڭ ئايرىم قائىدىلىرىنى غەربنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئىلىم-پەن بىلەن دىن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىشكە تىرىشقان ھەمدە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتقا دائىر بەزى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ چاغدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتى ۋە تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. «ساھابىلارنىڭ سۆزى»، «ھىندىستاننىڭ سىياسىي ئەھۋالى، نۇتۇق ۋە خەت-چەكلەر توپلىمى»، «ھىندىستاندا كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈشنىڭ سەۋەبى» قاتارلىق ئاساسلىق ئەسەرلىرى بار. 

سەيىد-سەييىد

  • سەيىد-سەييىد[يەشمىسى:] (Said Sayyid، 1791 — 1856) ماسكات-ئومان ۋە زانزىبارنىڭ ھۆكۈمرانى. 1806-يىلى ماسكات-ئوماننىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1840-يىلى پايتەختنى زانزىبارغا كۆچۈرگەن. شەرقىي ئامېرىكىنىڭ كىلۋادىن مۇقدىشۇ (سومالىدا) غىچە بولغان دېڭىز بويى رايونىنى تىزگىنلىگەن. تەختتە ئولتۇرغاندا، ئىچكى سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قەلەمپۇر تېرىقچىلىقىغا مەدەت بېرىپ، زانزىبارنى شەرقىي ئافرىقىنىڭ سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرغان. فرانسىيىلىكلەر بىلەن قۇل سودىسى شەرتنامىسىنى تۈزگەن؛ كېيىن قۇل سودىسىغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن ئەنگلىيە بىلەن ئىككى قېتىم شەرتنامە ئىمزالىغان. فرانسىيە، ئامېرىكا بىلەنمۇ سودا شەرتنامىلىرىنى ئىمزالىغان. 

سەيىس-ئىنكۇئارت

  • سەيىس-ئىنكۇئارت[يەشمىسى:] (Arthur Seyβ - Inquart، 1892 — 1946) ئاۋسترىيىلىك ناتسىست، ئادۋوكات. 1937-يىلى، مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان، 1931-يىلى مىللىي ئىتتىپاققا كىرىپ، ئاۋسترىيە ناتسىستلار پارتىيىسى بىلەن زىچ مۇناسۋەت ئورناتقان. 1938-يىلى ئاۋسترىيە مىللىي سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە رەسمىي قاتنىشىپ، فاشىستىك ھەرىكەت بىلەن پائال شۇغۇللانغان ۋە گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ قوشۇلۇشىنى پىلانلىغان. 1938-يىلى 2-ئايدا گىتلېرنىڭ بېسىمى بىلەن، شۇسنىگ تەرىپىدىن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىنىپ، گېرمانىيىنىڭ ئاۋسترىيىنى بېسىۋېلىش سۇيىقەستىنى پىلانلاشقا بىۋاسىتە قاتناشقان. 3-ئاينىڭ 11-كۈنى گىتلېر تەرىپىدىن ئاۋسترىيە ئىتتىپاقى زۇڭلىلىقىغا يۆلەپ چىقىرىلغان،3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاۋسترىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ قوشۇلۇشى توغرىسىدىكى قانۇن ماقۇللانغان. شۇنىڭ بىلەن گىتلېرنىڭ ئاۋسترىيىنى يۇتۇۋېلىشى «قانۇنلاشتۇرۇلغان»، ئۇزۇن ئۆتمەي گېرمانىيىنىڭ شەرقىي چېگرا رايونى (يەنى ئاۋسترىيە) نىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1939-يىلى 5-ئايدا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان. 1940 — 1945-يىللىرى، گېرمانىيە قوشۇنىنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى گوللاندىيىنىڭ باش ۋالىيسى بولۇپ، گوللاندىيە ئىشچىلىرى، قارشىلىق كۈچلىرى ۋە يەھۇدىيلارغا دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قىلغان. 1946-يىلى نيۇرىنبېرگ خەلقئارا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

سپارتا

  • سپارتا[يەشمىسى:] (Sparta). قەدىمكى يۇناندىكى ئاساسىي شەھەر دۆلىتى. لاسېدايمون (Lacedaimon) دەپمۇ ئاتالغان. پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى لاكونىيىنىڭ يولوتاس دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىغا جايلاشقان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە دورىيانلار (دورىسلار) شىمالدىن پلوپوننېس يېرىم ئارىلىغا كىرگەن، ئۇلارنىڭ بىر تارمىقى لاكونىيىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇ يەردە پەيدىنپەي ئولتۇراقلاشقان ھەمدە بەش يېزا جامائەسىنى تەشكىل قىلغان. بۇ بىر تۈركۈم دورىيانلار تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىردە سپارتا شەھىرىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزلىرىنى «سپارتالىقلار» دەپ ئاتىغان. سپارتالىقلار ئۈزلۈكسىز ھالدا قوشنا رايونلارنى ئىستېلا قىلىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن باشلاپ مېسسېنىيىنى بويسۇندۇرۇشقا كىرىشكەن، تەخمىنەن مۇشۇ جەرياندا سپارتا دۆلىتىنى قۇرغان؛ يەنە جەنۇبىي ئىتالىيىدە مۇستەملىكە شەھەر — تارېنتۇمنى بىنا قىلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، پادىشاھ لىكۇرگۇس سپارتا ئۈچۈن قانۇن تۈزۈپ، سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئاساسىنى ئورناتقان ھەمدە سپارتالىقلارغا 900 ئۈلۈش يەرنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن. سپارتا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، سودا-سانائەت پائالىيىتىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن، ھەتتا ئۇنى چەكلىگەن. ئېتىزلارنى بويسۇندۇرۇلغان ھېلوتلار (دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قۇللار) تېرىغان. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئولىگارخ ھۆكۈمرانلىقى يولغا قويۇلۇپ، ھوقۇق 30 نەپەر ئاقسۆڭەك (ئىككى نەپەر پادىشاھ بىلەن 28 نەپەر ئاقساقالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تىن تەشكىل قىلىنغان ئاقساقاللار كېڭەشمىسى ۋە بەش نەپەر مۇپەتتىش ئەمەلدارنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن. خەلق يىغىنى تەشكىل جەھەتتە دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە ئاۋاز بېرىشنى ئېلىپ بارسىمۇ (مۇزاكىرە قىلمايتتى)، شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى سايلىسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق ئەمەلىي ھوقۇقى بولمىغان. قاتتىق ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىلىپ، بالاغەتكە يەتكەن ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەسكەر بولغان ۋە «باراۋەرلەر كوممۇنىسى» غا كىرىپ، كوللېكتىپ تاماق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. سپارتالىقلارنىڭ ھېلوتلار ئۈستىدىن ۋەھشىيانە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ۋە قۇل قىلىشى، ھېلوتلارنىڭ كۆپ قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشى («مېسسېنىيە ئۇرۇشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) گە سەۋەبچى بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، سپارتا باشچىلىقىدىكى پېلوپوننېس ئىتتىپاقى تەشكىل قىلىنىپ، سپارتانىڭ جەنۇبىي يۇناندىكى زومىگەرلىك ئورنى تىكلەنگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىپ بېرىلغان يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشىدا، سپارتا ئافىنا قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە پېرسىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان. ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى پېلوپوننېس ئۇرۇشىدا ئافىنانى مەغلۇپ قىلىپ، پۈتكۈل يۇناندا زومىگەرلىك قىلىش ئورنىغا ئىگە بولغان؛ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ قارشى تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئافىنا، تېبېس، كلونىس قاتارلىقلار بىلەن ئۇزاق مۇددەت قوراللىق جاڭجال قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تەدرىجىي يوقاتقان. لېئۇكترا جېڭىدە ئېپامىنونداس باشچىلىقىدىكى تېبېس قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، پېلوپوننېس ئىتتىپاقى گۇمران بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن Ⅲ ئەسىرگىچە، تاۋار — پۇل مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلىپ، بايلار ۋە كەمبەغەللەرگە بۆلۈنۈش جىددىيلىشىپ، يەرلەرنى قوشۇۋېلىش شامىلى ئەۋج ئېلىپ، «باراۋەرلەر كوممۇنىسى» پارچىلىنىپ كەتكەن. ئۈلۈش يەر ئالغان تولۇق ھوقۇقلۇق پۇقرالارنىڭ سانى تېز ئازىيىپ (پەقەت 1500 ئائىلە قالغان)، ئىجتىمائىي كۈرەش كەسكىنلەشكەن.ئاگىسⅣ، كلېئومېنېس Ⅲ ۋە نابىسلار ئىسلاھات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن كۈچى تېخىمۇ ئاجىزلىشىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە ماكېدونىيىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رىمنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. سپارتالىقلار ھەربىي ئىشلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، مەنىۋى مەدەنىيەتكە ئەھمىيەت بەرمىگەن. ئاياللار ساغلام ئوغۇل تۇغۇشنى ئۆز بۇرچى دەپ بىلگەن، تەلىم-تەربىيە لاياقەتلىك ھەربىيلەرنى يېتىشتۈرۈشنى ئالىي نىشان قىلغان. «سپارتا روھى» كېيىنكى ئۇرۇشخۇمار ئەۋلادلار تەرىپىدىن ئولۇغلانغان.

سپارتاك قوزغىلىڭى

  • سپارتاك قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] قەدىمكى رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى قۇللارنىڭ سپارتاك رەھبەرلىكىدىكى زور قوزغىلىڭى. سپارتاك (Spartacus) تراكىيىلىك بولۇپ، ئۇرۇشتا رىملىقلار ئەسىرگە ئېلىپ، كاپۇيە شەھىرىدىكى گلادىئاتور تەربىيىلەش ئورنىغا گلادىئاتور قۇل قىلىپ ساتقان. ئۇ ئېچىنىشلىق تەقدىردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، مىلادىدىن 73 يىل ئىلگىرى ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى مەخپىي مەسلىھەتلەشكەن، سىر ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىن، ھەمراھلىرىدىن 70 تىن ئارتۇق كىشىنى باشلاپ، يېقىن ئەتراپتىكى ۋېزۇ-ۋىي تېغىغا قېچىپ بارغان. كەڭ قۇللار ۋە نامرات دېھقانلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ ئۇلارغا قوشۇلغان. سپارتاك رەھبەر، كرىكۇس بىلەن ئېننومېي ئۇنىڭ ياردەمچىسى بولغان. قوزغىلاڭچىلار باستۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن ھۆكۈمەت قوشۇنىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان، ئۇلارنىڭ قوشۇنى تېز زورايغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ تارېنتۇم قولتۇقىغا بارغان. كېيىن كرىكۇس بىرقىسىم قوشۇنىنى باشلاپ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلغان ۋە ئاپولىيىدە يوقىتىلغان (كرىكۇس ئۇرۇشتا ئۆلگەن). سپارتاك ئاساسىي كۈچكە باشچىلىق قىلىپ، ئاپپېنن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىنى بويلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلغان، شەھەرلەر ۋە قورۇقلارنى ئىشغال قىلغان، ئۇششاق دېھقانلارغا چېقىلمىغان، ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولغان، پەقەتلا شەخسلەردە ئالتۇن-كۈمۈش بولۇشنى مەنئى قىلغان. مىلادىدىن 72 يىل ئىلگىرى، رىم ئىككى نەپەر كونسۇلىنى ئەۋەتىپ، ھۇجۇم قىلىپ يوقىتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مەغلۇپ بولغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئەڭ زورايغان چاغدا، ئېيتىشلارغا قارىغاندا 120 مىڭ كىشىگە يېتىپ بارغان. سپارتاك پىسېنۇدا رىم قوشۇنىنى يەنە مەغلۇپ قىلىپ، پو دەرياسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان مورېنا شەھىرىگە ئۇدۇل بېسىپ كىرگەن؛ ئۇ ئالپىس تاغلىرىدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغاندەك قىلىپ، يەنە توختاپ قالغان. ئارقىدىن يەنە جەنۇبقا يۈرۈش قىلغان. رىم شەھىرىدىكى قۇلدارلار ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ، يېڭى ئادەم تېپىپ، مەغلۇبىيەت ۋەزىيىتىنى ئوڭشىماقچى بولغان. ئەمما «ھەممەيلەن قورقۇپ كەتكەن بولۇپ، ھېچكىم ئۆزىنى كاندىداتلىققا كۆرسەتمىگەن»(ئاپپىيانۇسنىڭ سۆزى). سىنات چوڭ مالىيە زومىگىرى كراسنى قوماندانلىققا تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا ئىستېبداتقا ئوخشاش ھوقۇق بېرىپ (ئىككى كونسۇلنىڭ قوشۇنىغا بىراقلا قوماندانلىق قىلىش)، قوزغىلاڭچىلارنىپۈتۈن كۈچى بىلەن باستۇرۇشقا كىرىشكەن. سپارتاك رىم شەھىرىگە ھۇجۇم قىلماي، قوشۇنىنى يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىكى بروتۋېنغا ئېلىپ بېرىپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ سىتسىلىيىگە بارماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. كراس قەدىمكى «ئوندىن بىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش» (سەپتىن قاچقانلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆلتۈرۈش) نى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئارقا تەرىپىدە، قۇرۇقلۇقنىڭ ئەڭ تار جايدىن ئىككى ئۇچى دېڭىزغا تۇتىشىدىغان چوڭ خەندەك كولىتىپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ چېكىنىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنغان. سپارتاك دۈشمەننىڭ قامال قىلىشىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولسىمۇ، ئەمما قوشۇنى چارچاپ كەتكەنلىكى، ھەرىكەت نىشانى ئېنىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاخىرى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. بۇ چاغدا يەنە بىر قىسىم قوشۇن ئۇنىڭدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، ئۇزاق ئۆتمەي كراس تەرىپىدىن يوقىتىلغان. سپارتاك لۇكانىيە ئارقىلىق برۇندىسسۇم پورتىغا يۈرۈش قىلغان (گرېتسىيىگە چىقىپ كەتمەكچى بولغان)، ئەمما لۇكۇللۇس باشچىلىقىدىكى رىم قوشۇنىنىڭ بۇ پورتتا قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا دۇچ كېلىپ، توسۇلۇپ قالغان. مىلادىدىن 71 يىل ئىلگىرى ئەتىيازدا ئاپۇلىيىدە بولغان ھەل قىلغۇچ جەڭدە، كراس ئىسپانىيىدىن يېڭىلا قايتىپ كەلگەن پومپېئۇسنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولغان، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئاخىرىغىچە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، مەغلۇپ بولغان، سپارتاك قەھرىمانلىق بىلەن قۇربان بولغان. رىملىقلارمۇ ناھايىتى زور بەدەل بەرگەن. كراس شەپقەتسىزلىك بىلەن ئۆچ ئېلىپ، 6000 نەپەر ئەسىرنى كرېستقا مىخلاپ ئۆلتۈرگەن. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ رىم قۇلدارلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇنقەرز بولۇشىنى تېزلەتكەن. ماركس 1861-يىل 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېنگېلسقا يازغان خېتىدە سپارتاكنى تەرىپلەپ «ئېسىل پەزىلەتلىك بولۇپ، قەدىمكى زامان پرولېتارىياتىنىڭ ھەقىقىي ۋەكىلى ئىدى» دەپ يازغان. سپارتاكنىڭ قەھرىمانلىق ئوبرازى، كېيىنكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىدە مەدھىيىلىنىدىغان سۇژىت بولۇپ قالغان.

سپارتاك ئىتتىپاقى

  • سپارتاك ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] گېرمانىيە سولچى سوتسىيال-دېموكراتلارنىڭ ئىنقىلابىي تەشكىلاتى. ئەسلىدىكى «ئىنتېرناتسىئونالچىلار» نىڭ ئاساسىدا شەكىللەنگەن. 1916-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، «ئىنتېرناتسىئونالچىلار» مەملىكەتلىك يىغىنىدا قەدىمكى رىم قۇللار قوزغىلىڭىنىڭ داھىيسى سپارتاك نامىدا مەخپىي سىياسىي ئاخبارات «سپارتاكنىڭ خەت-چەكلىرى» ئېلان قىلىنىپ، ئىنقىلابىي تەشۋىقات-تەرغىبات خىزمىتى ئىشلەنگەن، شۇ سەۋەبتىن «سپارتاكچىلار» دەپ ئاتالغان. 1918-يىل 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سپارتاك ئىتتىپاقى رەسمىي قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي رەھبەرلىرى كارل لىبكنېخت، ر. ليۇكسېمبۇرگ، مېرنگ قاتارلىقلار ئىدى. ئەمما بۇ ئىتتىپاق گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىن تەشكىلىي ئالاقىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۈزمىگەن، بەلكى گېرمانىيە مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە بىر گۇرۇھ سۈپىتىدە قاتناشقان. 1918-يىلقى گېرمانىيە نويابر ئىنقىلابى مەزگىلىدە، بۇ ئىتتىپاق گېرمانىيە جاھانگىرلىكىنىڭ تالان-تاراج قىلىش سىياسىتىنى ۋە گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭ قانات يولباشچىلىرىنىڭ خائىنلىق قىلمىشىنى پاش قىلىپ، «بارلىق ھاكىمىيەت سوۋېتلەرگە مەنسۇپ» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىتتىپاقنىڭ 1918-يىلى 12-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىدا، گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەسمىي قۇرۇلغان. «قىزىل بايراق» گېزىتىنى چىقارغان.

سپارتالىقلار

  • سپارتالىقلار[يەشمىسى:] قەدىمكى يۇناندىكى سپارتا دۆلىتىدە ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن ئاھالىلەر گۇرۇھى. پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى (جەنۇبىي يۇنان) غا تارقالغان دورىيانلار (دورىسلار) نىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، بەلكىم ئاز ساندىكى باشقا ئۇرۇقلار قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن. سپارتا شەھىرىنى قۇرغان (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىردە) لىقتىن، مۇشۇنداق ئاتالغان. سپارتالىقلار دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يەرنى بۆلۈشۈۋېلىشقا ھوقۇقلۇق بولۇپ، ھېلوتلار (دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قۇللار) ئۇلار ئۈچۈن تېرىقچىلىق قىلغان ۋە ئولپان تاپشۇرغان (ئومۇمەن يەتتە ئائىلە ھېلوتلار بىر ئائىلە سپارتالىقنى باققان). ئۇلار ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانمىغان، سودىگەرچىلىك قىلىپ پايدا تېپىشقىمۇ رۇخسەت قىلىنمىغان، تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن ئۈلۈش يەر ۋە شۇ ئۈلۈش يەرنى تېرىيدىغان ھېلوتلار سپارتالىقلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان، مىراس قالدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان، ئەمما سېتىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. ئەمەلىيەتتە سپارتالىقلار ھېلوتلارنى قۇل قىلغان ۋە پېرېكلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغان ھەربىي قۇلدارلار گۇرۇھى ئىدى. قەدىمكى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ يېزىشىچە، سپارتالىقلار ھەربىي تەلىم-تەربىيىنى يولغا قويۇشنى قوبۇل قىلىدىكەن، 20 يېشىدا مۇقەررەر ئەسكەرگە ئايلىنىدىكەن، 30 ياشقا كىرگەندىلا ئائىلە تۇرمۇشى كەچۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدىكەن ھەمدە رەسمىي پۇقراغا ئايلىنىپ، پۇقرالار يىغىنىغا قاتنىشالايدىكەن؛ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى 60 ياشقا كىرگەندە، ئاندىن توشىدىكەن. باشقا كىشىلەرنىڭ قاتنىشىش ھوقۇقى بولمىغان «باراۋەرلەر كوممۇنىسى» تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، كوللېكتىپ تاماق يېيىش تۈزۈمى (Syssitia) يولغا قويۇلغانىكەن. ئاياللارمۇ ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئالىدىكەن، ئۇلارنىڭ مەقسىتى بەدىنىنى ساغلاملاشتۇرۇپ ساغلام ئوغۇل تۇغۇش، كەلگۈسىدە ئۇنى لاياقەتلىك پۇقرا جەڭچىگە ئايلاندۇرۇش ئىكەن؛ ئېيتىلىشىچە سپارتا ئاياللىرى پۈتكۈل يۇنان ئاياللىرى ئىچىدە، بىرقەدەر كۆپرەك ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولىدىكەن. دەسلەپتە ئۈلۈش يەر ئالغان سپارتا پۇقرالىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 9000 ئائىلىگە يەتكەن، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردىن Ⅳ ئەسىرگىچە بايلار ۋە كەمبەغەللەرگە بۆلۈنۈش جىددىيلىشىپ، ۋەيران بولغانلار تېز كۆپەيگەن، پۇقرالارنىڭ سانى جىددىي ئازايغان. شۇنىڭدىن كېيىن، بىرلىككە كەلگەن سپارتا پۇقرالار گۇرۇھى تەدرىجىي پارچىلىنىپ كەتكەن. 

سپاك

  • سپاك[يەشمىسى:] (Paul Henri Spaak، 1899 — 1972) بېلگىيە باش ۋەزىرى (1938 — 1939، 1947 — 1949، 1961 — 1965). سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. بريۇسسېل ئەتراپىدا تۇغۇلغان. بريۇسسېل داشۆسىنىڭ قانۇنشۇناسلىق دوكتورى بولغان. 1921 — 1931-يىللاردا ئادۋوكات بولغان. 1932-يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. بىرقانچە قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1946-يىلى ب د ت يىغىنىنىڭ رەئىسى بولغان.1957—1961-يىللاردا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ، غەربىي ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي بىرلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، غەربىي ياۋروپا ئورتاق بازىرىنى مەدھىيىلىگەن. 

سپىتامېن قوزغىلىڭى

  • سپىتامېن قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ ماكېدونىيە پادىشاھى ئالېكساندرنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنىغا زەربە بەرگەن قوزغىلىڭى. مىلادىدىن 329 يىل ئىلگىرى، ئالېكساندرنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغان قوشۇنى سوغدىيانا ۋە باكتېرىيىلەرگە بېسىپ كىرگەن، يەرلىك كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە سپىتامېن (Spitamenes) نىڭ رەھبەرلىكىدە ھەمدە ماسساگېتلار ۋە ساكاسلارنىڭ ياردىمىدە، ئىككى يىلغا يېقىن قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، پايتەخت ماراكاندا (ھازىرقى سەمەرقەند) نى بىرمەھەل قايتۇرۇۋېلىپ، تاجاۋۇزچىلارغا قاتتىق زەربە بەرگەن. كېيىن ئالېكساندر قوشۇنىنىڭ قورشاپ يوقىتىشىغا ئۇچراپ مەغلۇپ بولغان، سپىتامېن قۇربان بولغان. 

سپىتىسىن

  • سپىتىسىن[يەشمىسى:] (Александр Андреевич Спицын)، 1858 — 1931). سوۋېت ئارخېئولوگى. 1891-يىلدىن باشلاپ ئارخېئولوگىيە كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە قاتناشقان. 1929-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئاكادىمىكى بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش، قېزىش خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. شەرقىي سلاۋىيانلارنىڭ ئىپتىدائىي دەۋر ۋە ئوتتۇرا ئەسىر ئارخېئولوگىيىسى جەھەتتە تەتقىقاتى بار. ئۇنىڭ ماتېرىياللارنى رەتلەش خىزمىتى ۋە تەتقىقات ئۇسۇلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكىلەرگە بىرقەدەر زور تەسىر كۆرسەتكەن. «ئارخېئولوگىيە ماتېرىياللىرىدىن قەدىمكى رۇس قەبىلىلىرىنىڭ تارقىلىشىغا بىر نەزەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

سپېكې

  • سپېكې[يەشمىسى:] (Speke John Hanning، 1827 — 1864). ئەنگلىيىلىك مۇستەملىكىچى، ئېكسپېدىتسىيىچى. 1844-يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستان قوشۇنىغا كىرگەن. ھىمالايا تېغى ۋە شىزاڭغا بېرىپ «ساياھەت قىلغان». 1854-يىلى بۇرتون تەكشۈرۈش ئەترىتىگە كىرىپ، سۇمالىنى كېزىپ تەكشۈرۈشكە بارغان. 1856-يىلى بۇرتون بىلەن بىللە يەنە ئافرىقىغا بېرىپ، شەرقىي ئافرىقىدىن قىرغاقنى بويلاپ ئىچكىرىلەپ كىرگەن ۋە 1858-يىلى 2-ئايدا تانگانىكا كۆلىگە يېتىپ بارغان. بۇرتون ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، 7-ئاينىڭ 30-كۈنى چوڭ بىر كۆلنى«تېپىپ»، ئۇنىڭغا ئەنگىلىيە كورۇلىۋاسى ۋىكتورىيىنىڭ نامىنى قويغان. 1860-يىلى ئۇ گرانت بىلەن بىللە يەنە شەرقىي ئافرىقىنى كېزىپ تەكشۈرۈشكە بېرىپ، ۋىكتورىيە كۆلىنى تەكشۈرۈپ خەرىتىسىنى سىزغان. 1863-يىلى سۇداننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى گوندوكورو (Gondokoro) غا بېرىپ، باكېر قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ، تەكشۈرۈش ئاخباراتلىرىنى ئالماشتۇرغان. 1863 — 1864-يىللىرى ئافرىقىنى تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى ئېلان قىلغان. 1864-يىلى بىر قېتىملىق كۈتۈلمىگەن ۋەقەدە ئۆلگەن. 

سپېنسېر

  • سپېنسېر[يەشمىسى:] (1) ئېدموند سپېنسېر (Edmund Spenser، تەخمىنەن 1552 — 1599). ئەنگلىيىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىش دەۋرىدىكى شائىرى. رەخت سودىگىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىمبىرىج داشۆسىدە ئوقۇغان. 1580 — 1598-يىللاردا كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ئەنگلىيىنىڭ ئېرلاندىيىدە تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسىنىڭ كاتىپى بولۇپ ئۆتكۈزگەن. ئاساسىي ئەسەرلىرى «پادىچىنىڭ كالېندارى»، «پەرىزاتلار شاھى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئەسەرلەردە تەبىئەتكە بولغان قىزغىن مۇھەببەت ۋە ئادەملەرنىڭ كۈچىغا بولغان مەدھىيە تەسۋېرلەنگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۈچلۈك بەدىئىي تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. سپېنسېرنىڭ ئۆز شېئىرلىرىدا قوللانغان رىتىملىق قاپىيە ۋە ۋەزىن قائىدىسى ئەنگلىيە شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىپ، «سپېنسېر شېئىر بوغۇمى» دەپ ئاتالغان. (2) ھېربېرت سپېنسېر (Herbert Spencer، 1820 — 1903). ئەن- گلىيىلىك پەيلاسوپ، جەمئىيەتشۇناس. بىلگىلى بولماسلىق نەزەرىيىسىنىڭ تەرەپدارى. چاكىنا تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى نۇقتىئىنەزەرى ئارقىلىق بارلىق تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرەلەيدىغان ئۇنىۋېرسال پەلسەپە فورمۇلىسىنى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئۇ ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا ياردىمى بولسىلا ياكى مۇھىتقا ماسلىشالىسىلا، بەختلىك بولغان بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ «ياخشىلىق» بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەكسى «يامانلىق» بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ بىلىشى نىسپىي بولىدۇ، كىشىلەر شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى بىلەلمەيدۇ، پەقەت شەيئىلەرنىڭ ھادىسىلىرىنىلا بىلەلەيدۇ، دېگەننى تەرغىپ قىلغان. ئۇنىڭ ئون توملۇق «ئۇنىۋېرسال پەلسەپە سىستېمىسى»، «جەمئىيەتشۇناسلىق قائىدىلىرى»، «مائارىپ توغرىسىدا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

سپا يىغىنى

  • سپا يىغىنى[يەشمىسى:] ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئانتانتا دۆلەتلىرى گېرمانىيە بىلەن «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىجرا قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن يىغىن. «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى» ئىمزالانغاندىن كېيىن، گېرمانىيە ئەسكەر قىسقارتىش ۋە ئۇرۇش چىقىمىنى تۆلەش ماددىلىرىنى ئىجرا قىلىشنى ئارقىغا سوزغان. ئانتانتا دۆلەتلىرى 1920-يىل 7-ئاينىڭ 5 — 16-كۈنلىرى گېرمانىيە بىلەن سابىق گېرمان ئارمىيىسىنىڭ ئالىي باش قوماندانلىق شتابى تۇرغان ئورۇن — سپا (Spa) شەھىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، گېرمانىيە ئارمىيىنى قىسقارتىشنى ئىجرا قىلىش كېلىشىمى ۋە تۆلەمنى تاپشۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان. يىغىن ھەرقايسى غالىب دۆلەتلەرگە تەقسىم قىلىنىدىغان تۆلەم پۇلىنىڭ نىسبىتىنى بەلگىلىگەن، ئەمما گېرمانىيە تۆلەشكە تېگىشلىك تۆلەمنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنى بېكىتمىگەن. 

سپىخالسكى

  • سپىخالسكى[يەشمىسى:] (Marian Spychalski، 1906 —1980)، پولشا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، خەلق بىرلىك سېپى مەملىكەتلىك كومىتېتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسى، مارشال. ۋارشاۋا سانائەت داشۆسىنىڭ بىناكارلىق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1931-يىلى كوممۇنىستىك پارتىيىگە كىرگەن. پولشانى ناتسىستلار گېرمانىيىسى ئىشغال قىلىۋالغان مەزگىلدە، «ئازادلىق كۈرەش ئىتتىپاقى» ۋە پولشا ئىشچىلار پارتىيىسى (تەكتى پولشا كوممۇنىستىك پارتىيىسى) نىڭ فاشىزمغا قارشى يەر ئاستى پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1944-يىلى پولشا خەلق ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقلىقىغا، ۋارشاۋا شەھىرىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئىككىنچى يىلى پولشا ئىشچىلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، خەلق ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. 1948-يىلى 12-ئايدا پولشا ئىشچىلار پارتىيىسى بىلەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىرلىشىپ، پولشا بىرلەشكەن ئىشچىلار پارتىيىسى تەشكىل قىلىنغان چاغدا، مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا ۋە سىياسىي بيۇرو ئەزالىقىغا سايلانغان. 1949-يىلى 11-ئايدا بەدنام تۈپەيلىدىن مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىدىن چىقىرىلغان، ئىككىنچى يىلى قولغا ئېلىنغان. 1956-يىلى قاماقتىن بوشىتىلىپ،10-ئايدا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە پولشا بىرلەشكەن ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ 3-، 4-، 5-قۇرۇلتايلىرىدا سىياسىي بيۇرو ئەزالىقىغا سايلانغان. 1956 — 1968-يىللاردا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان ۋە مۇشۇ جەرياندا مارشاللىق ئۇنۋانى بېرىلگەن. 1968 — 1970-يىللاردا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە خەلق بىرلىك سېپى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1970-يىلى 12-ئايدىكى 5-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7-ئومۇمىي يىغىنىدا، سىياسىي بيۇرو ئەزالىق ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلانغان. كېيىن ۋارشاۋادا ۋاپات بولغان.

سپىنوزا

  • سپىنوزا[يەشمىسى:] (Baruch Spinoza، كېيىن ئىسمىنى Benedictus قا ئۆزگەرتكەن، 1632 — 1677). گوللاندىيىلىك ماتېرىيالىستىك پەيلاسوپ. ئاتا-بوۋىسى يەھۇدىي، ئۆزى يەھۇدىي دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن يەھۇدىي دىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، تۇرمۇشى جاپالىق بولۇپ، ئەينەك سىلىقلاش بىلەن كۈن كەچۈرگەن. ئۇ تەبىئەت دۇنياسى ئۆزىنىڭ سەۋەبىدۇر دېگەن مۇشۇ تۈپ كۆزقاراشنى ئاساس قىلىپ، «ئۆز سەۋەبى» (لاتىنچە Causa Sui) ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «دۇنيانى دۇنيانىڭ ئۆزىدىن چۈشەندۈرۈشتە چىڭ تۇرغان» («ماركس-ئېنگېلس ئەسەرلىرى» 20-توم، خەلق نەشرىياتىنىڭ 1971-يىل نەشرى، خەنزۇچە 365-بەت). «ئەمەلىي مەۋجۇدىيەت» يەنى تەبىئەت دۇنياسىنىڭ بارلىق شەيئىلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، تەبىئەتتىن تاشقىرى خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان، ئەمما يەنە «ئەمەلىي مەۋجۇدىيەت» نى خۇدا دەپ ئاتاپ، ماتېرىيالىزمغا پان ئىلاھچىلىق تونىنى كىيگۈزگەن. ئىدېئالىزمنىڭ مەقسەت نەزەرىيىسىگە ۋە دېكارتنىڭ ئەركىن ئىرادە تەلىماتىغا قارشى چىقىپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مۇقەررەر بولىدۇ؛ ئەركىن ئىرادە دېگەن ئوي تەسەۋۋۇردىن ۋە نادانلىقتىن كەلگەن؛ ئەقلىيىلىك بىلەن ئىرادە ئۆزئارا قارىمۇقارشى ئەمەس. بەلكى بىردەك بولىدۇ، «مۇقەررەرلىكنى بىلىش» نىڭ ئۆزى ئەركىنلىكتۇر، دەپ تەكىتلىگەن. بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتە، ئۇ ئەقىلچىلىكنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاساسىي ئەسەرلىرى «ئىلاھىيەت سىياسىيشۇناسلىقى توغرىسىدا»، «ئېتىكا»، «بىلىشنى يېڭىلاش توغرىسىدا»، «دېكارتنىڭ پەلسەپە قائىدىلىرى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ستاخانوۋچىلىق ھەرىكىتى

  • ستاخانوۋچىلىق ھەرىكىتى[يەشمىسى:] سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىككىنچى بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە قانات يايدۇرۇلغان سوتسىيالىستىك ئەمگەك مۇسابىقىسى ھەرىكىتى. دونتىس كان رايونىدىن باشلىنىپ، يېڭىلىق ياراتقۇچى، كۆمۈر قازغۇچى ئىشچى ستاخانوۋ (Алексей Григорьевич Стаханов، 1906 — ) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ستاخانوۋ پىداكارانە سوتسىيالىستىك ئەمگەك پوزىتسىيىسى ۋە ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىش روھى ئارقىلىق، ئەمگەك تەشكىلىنى ۋە كۆمۈر قېزىش تېخنىكىسىنى ياخشىلىغان. ئۇ 1935-يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى بىر سمېنىدا شامال ئۈشكىسى ئارقىلىق 102 توننا كۆمۈر قېزىش رېكورتىنى يارىتىپ، نورما (7 توننا) دىن 5.13 ھەسسە ئاشۇرۇۋەتكەن. ئۇنىڭ ئىش ئىزى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى كەسىپلەرگە تېز تارقالغان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى پارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ پائال تەشەببۇس قىلىشى ئارقىسىدا تەرەققىي قىلىپ، يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش ئاممىۋى ھەرىكىتىگە ئايلانغان. 

ستالىن

  • ستالىن[يەشمىسى:] (Иосиф Виссарионович Сталин, джугащвили، 1879. 12. 21 — 1953. 3. 5). ئۇلۇغ ماركسىزم-لېنىنىزمچى، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ داھىيسى. ئەسلى فامىلىسى جۇگاشىۋىلى بولۇپ، گرۇزىيىنىڭ گورى شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئاتىسى دېھقاندىن كېلىپ چىققان موزدۇز، ئانىسى يانچىنىڭ قىزى ئىدى. 1894-يىلى تىفلىس (ھازىرقى تىبلىس) دىنىي ئوتتۇرا مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. 1898-يىلى تىفلىستىكى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ تەشكىلاتىغا قاتناشقان ھەمدە شۇ مەزگىلدىن باشلاپ ماركس، ئېنگېلس ۋە لېنىنلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلغان، ئىشچىلار ئىچىدە تەشۋىق قىلىپ، ئىش تاشلاشقا ئۇيۇشتۇرغان. ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى تۈپەيلىدىن، 1899 -يىلى مەكتەپتىن قوغلاپ چىقىرىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن كەسپىي ئىنقىلابچىغا ئايلانغان. لېنىن 1900-يىلى «ئىسكرا» گېزىتىنى تەسىس قىلغان چاغدىن باشلاپ، ئۇ بۇ گېزىتنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تامامەن قوللاپ، لېنىننى ھەقىقىي ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيىنىڭ داھىيسى ۋە ئۇستازى دەپ ئېتىراپ قىلغان. 1901-يىلى 11-ئايدا روسىيە سوتسىيال-دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى تىفلىس كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، جەنۇبىي كاپكاز رايونىدا لېنىننىڭ «ئىسكرا» گېزىتى ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىپ، ماركسىزمغا قارشى ھەر خىل گۇرۇھلارغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان. 1903-يىلى ئۆزى يىغىنغا قاتنىشالمىغان ئەھۋالدا، روسىيە سوتسىيال-دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى كاپكاز ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1904-يىلى 12-ئايدا باكو نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئىككىنچى يىلى تامورفۇس (فىنلاندىيىدە) دا ئۆتكۈزۈلگەن بىرىنچى قېتىملىق پۈتۈن روسىيە بولشېۋىكلىرىنىڭ ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتنىشىپ، لېنىن بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن. 1912-يىلى پارتىيىنىڭ 6-قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى (پراگا ۋەكىللەر يىغىنى) دا، ئۆزى يىغىنغا قاتنىشالمىغان ئەھۋالدا، بولشېۋىكلەر پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە مەركىزىي كومىتېت روسىيە بيۇروسىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. شۇ يىلى ئەتىيازدا، لېنىننىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن، «پراۋدا» گېزىتىنى تەسىس قىلغان. «ماركسىزم ۋە مىللىي مەسىلە» دېگەن كىتابنى يېزىپ، ماركسىزمنىڭ مىللىي مەسىلە توغرىسىدىكى نەزەرىيىسى ۋە پروگراممىسىنى شەرھلەپ، لېنىننىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. 1902-يىلدىن 1917-يىلغىچە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەمئىي يەتتە قېتىم قولغا ئېلىنىپ، ئالتە قېتىم سۈرگۈن قىلىنغان، سۈرگۈندىن 5 قېتىم قېچىپ كەلگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، يەنىلا سۈرگۈندە بولغان. ئەمما ئۇرۇش، تىنچلىق ۋە ئىنقىلاب مەسىلىسىدە لېنىننىڭ ئىنتېرناتسىئونالىزملىق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيال شوۋېنىزمىنى ئەيىبلىگەن. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن،3-ئاينىڭ 25-كۈنى پېتروگرادقا قايتىپ كېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن «پراۋدا» غا رەھبەرلىك قىلغان. پۈتۈن روسىيە بولشېۋىكلەر پارتىيىسىنىڭ 7-قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى (ئاپرېل ۋەكىللەر يىغىنى) غا قاتنىشىپ، لېنىننىڭ بۇرژۇئازىيە دېموكراتىك ئىنقىلابىدىن سوتسىيالىستىك ئىنقىلابقا بۇرۇلۇش لۇشيەنىنى قەتئىي ئىجرا قىلغان ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 7—8- ئايلاردا پارتىيىنىڭ 6-قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خۇلاسە دوكلاتى ۋە نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەت توغرىسىدا دوكلات قىلىپ، پارتىيىنىڭ سوتسىيالىزمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ۋەزىپىسى ۋە تاكتىكىسىنى شەرھلىگەن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 10-ئايدىكى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، قوراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىدىغان پارتىيە باش شتابىغا سايلانغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە مىللىي ئىشلار خەلق كومىسسارى، دۆلەت رېۋىزىيە مىنىسترلىكى خەلق كومىسسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ«ئۆكتەبر ئىنقىلابى ۋە مىللىي مەسىلە»، «يەنە مىللىي مەسىلە توغرىسىدا» قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ، مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكىلەردىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ پرولېتارىيات سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقى توغرىسىدىكى نەزەرىيىنى دەلىللىگەن.1918—1920-يىللاردىكى سوۋېت دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، غەربىي فرونت، جەنۇبىي فرونت ۋە غەربىي جەنۇبىي فرونت ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1922-يىلى 4-ئايدىكى پارتىيىنىڭ 11-قۇرۇلتىيىدا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى 12-ئايدىكى پۈتۈن روسىيە سوۋېتلەر 1-قۇرۇلتىيىدا، سوۋېت سوتسىيالىستىك رېسپوبلىكىلار ئىتتىپاقى (سوۋېت ئىتتىپاقى) قۇرۇش توغرىسىدا دوكلات قىلغان ھەمدە رېسپوبلىكىلار ئىتتىپاقىنى قۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. لېنىن 1924-يىل 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ستالىن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسىي رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لېنىنىزم ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ، سوۋېت ئىتتىپاقى پارتىيىسى ۋە خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەنلەر بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى پرولېتارىيات دىكتاتۇرىلىقىدىكى دۆلەتنى قوغدىغان ھەمدە مۇستەھكەملىگەن؛ مەملىكەت ئىچىدە سوتسىيالىستىك سانائەتلەشتۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كوللېكتىپلەشتۈرۈش لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن.ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «لېنىنىزم ئاساسلىرى توغرىسىدا»، «ئۆكتەبر ئىنقىلابى ۋە روسىيە كوممۇنىستلىرىنىڭ تاكتىكىسى»، «لېنىنىزم مەسىلىلىرىگە دائىر» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1936-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلغان. 1941-يىلى 5-ئايدا ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسى بولغان، 6-ئايدا دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن، 8-ئايدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئالىي باش قوماندانلىقىنى قوشۇمچە ئۆتەپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ۋە خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىنى ئېلىپ بېرىشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1946-يىلى 3-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىتېتى مىنىستىرلار سوۋېتى دەپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1952-يىلى 10-ئايدا سوۋېت كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ سىياسىي بيۇروسى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەيئەت رىياسىتىگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1950-يىلى «ماركسىزم ۋە تىلشۇناسلىق مەسىلىلىرى» نى يېزىپ، ئىقتىسادىي بازىس بىلەن ئۇستقۇرۇلما، تىل، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى قاتارلىق مەسىلىلەرنى دەلىللىگەن. 1952-يىلى «سوۋېت ئىتتىپاقىدا سوتسىيالىزمنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى» نى ئېلان قىلىپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي ئىقتىسادتىكى نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان.1953-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى كېسەلدىن ساقىيالماي ۋاپات بولغان. 

ستالىنگراد ئۇرۇشى

  • ستالىنگراد ئۇرۇشى[يەشمىسى:] سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ. 1942-يىلى گىتلېر ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئىككىنچى فرونت ئېچىشنى ئارقىغا سوزغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 1 مىليون 500 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ، يازلىق ھۇجۇمنى قوزغىغان. ئۇنىڭ مەقسىتى ستالىنگرادنى ئىشغال قىلىپ، ۋولگا دەرياسىدىكى قاتناشنى ئۈزۈپ تاشلاش، كاپكاز نېفىتلىكىنى تارتىۋېلىش، ئاندىن كېيىن شىمالغا يۈرۈش قىلىپ موسكۋانى ئورىۋېلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت. 7-ئاينىڭ 17-كۈنى گېرمان ئارمىيىسى ستالىنگرادقا قىستاپ كېلىپ، سوۋېت ئارمىيىسى دۈشمەن ئارمىيىسى بىلەن كىلىتىسكايا ۋە سولوۋېنكىنو قاتارلىق مۇھىم تۈگۈنلەردە تۇنجى قېتىملىق ئېلىشىشنى ئېلىپ بارغان. 9-ئاينىڭ 13-كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسى شەھەر ئىچىگە ئۈسۈپ كىرگەن، ئىككى تەرەپ كوچا ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرغان. ستالىن «ئارقىغا بىر قەدەممۇ چېكىنمەسلىك» چاقىرىقىنى چىقارغان، ستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقان قىزىل ئارمىيە ۋە پۈتۈن شەھەر خەلقى قانلىق جەڭ قىلىپ، مۇداپىئە ئۇرۇشى مەزگىلىدە دۈشمەننىڭ 182 مىڭ ئادىمىنى يوقىتىپ، كۈچ سېلىشتۇرمىسىنى ئۆزگەرتكەن.11-ئاينىڭ 19-، 20-كۈنلىرى سوۋېت ئارمىيىسى شىمال ۋە جەنۇب ئىككى قاناتتىن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن،23-كۈنى كىرىچتا ئۇچرىشىپ پاۋلۇس (Friedrich Von Paulus، 1890 — 1957) قوماندانلىقىدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىدىن 330 مىڭ كىشىنى قورشىۋالغان. ئىككىنچى يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇلارنى ئۈزۈل-كېسىل يوقاتقان. بۇ قېتىملىق جەڭ سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان. 

ستامبولوۋ

  • ستامبولوۋ[يەشمىسى:] (Стефан Стамболов، 1854 — 1895) بۇلغارىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1887 — 1894)، ياش ۋاقتىدا تۈركىيىنىڭ زۇلمىغا قارشى مىللىي ئازادلىق كۈرىشىگە قاتناشقان. 1876-يىلى تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئاپرېل قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. بۇلغارىيە 1878-يىلى ئاپتونومىيىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇلغارىيىنىڭ ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1884 — 1885-يىللاردا مىللىي پارلامېنتنىڭ باشلىقى بولغان. 1886-يىلى كىنەز باتتېنبېرگ تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغاندىن كېيىن، ئۇ نائىب كومىتېتقا رەھبەرلىك قىلغان. 1886 — 1887-يىللاردا خەلق ئەركىنلىك پارتىيىسىنى تەشكىللەشكە رەھبەرلىك قىلغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، ئىچكى جەھەتتە ساقچى تېررورلۇقىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ئورناتقان، تاشقى جەھەتتە ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ۋە گېرمانىيىگە يۆلەنگەن. كېيىن سوفىيىدە قەتىل قىلىنغان. 

ستامبولىيىسكىي

  • ستامبولىيىسكىي[يەشمىسى:] (Апексанлр Стамболийиский،1879—1923). بۇلغارىيە دېھقانلار ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى. گېرمانىيىنىڭ ھاللې (Halle) يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1908-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە دېھقانلارنى تەشكىللەپ دېھقانلار جەمئىيىتى قۇرۇشقا كىرىشكەن. 1915-يىلى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشقا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە سولانغان. 1918-يىلى 9-ئايدا تۈرمىدىن چىققان. ئىككىنچى يىلى 1-ئايدا ئىچكى كابىنېتنىڭ ئەزاسى بولغان، 10-ئايدا باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەن.1920-يىلى 5-ئايدا دېھقانلار ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىنى چەكلەيدىغان بەزى سىياسەتلەرنى ۋە دېھقانلارغا دائىر ئىسلاھاتچىلىق تەدبىرلىرىنى قوللانغان، ئەمما ئىشچىلار سىنىپىغا ۋە كوممۇنىستىك پارتىيىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان. 1923-يىلى سېنكوۋ سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئۆلتۈرۈلگەن. «نوپۇز، ھۆكۈمەتسىزلىك ۋە دېموكراتىيە»، «سىياسىئوندا بولۇشقا تېگىشلىك خىسلەت» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

ستامپفلى

  • ستامپفلى[يەشمىسى:] (Jakob Stampfli، 1820 — 1879) شۋېتسارىيە ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى(1856، 1859، 1862).نامرات دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپكى يىللىرى بېرنىيدا قانۇن مەكتىپىدە ئوقۇغان. بېرنىيدا ئادۋوكات بولغان ھەمدە «بېرن گېزىتى» نى نەشىر قىلغان. 1849 — 1850-يىللىرى بېرنىي شەھەر باشلىقى بولغان. 1851-يىلى مىللىي پارلامېنتنىڭ باشلىقى بولغان. كېيىن ئەدلىيە مىنىستىرى (1855)، مالىيە مىنىستىرى(1857،1858)، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى (1860، 1861، 1863) بولغان. 1862-يىلى شۋېتسارىيە تۆمۈريولىنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىپ، ئېسچېرنىڭ خۇسۇسىي كارخانىلار تۆمۈريول قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن قارشىلاشقان، ئەمما ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، مەغلۇپ بولغان. 1875-يىلى قايتا مىللىي پارلامېنتقا كىرىپ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن. 

ستانكېۋىچ

  • ستانكېۋىچ[يەشمىسى:] (Николай Владимирович Станкевич، 1813 — 1840). روسىيىلىك ئىدېئالىست پەيلاسوپ، ئەدىب. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى موسكۋا ئەدەبىيات-پەلسەپە گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. يانچىلىق تۈزۈمىنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى تىنچلىق بىلەن، تەدرىجىي ھالدا يوقىتىشنى ئۈمىد قىلغان ھەمدە مەرىپەت ۋە ئىنسانلارنى تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئىجتىمائىي ئۆزگەرتىشنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا قويغان. پەلسەپە جەھەتتە ئوبيېكتىپ ئىدېئالىزمىنى تەشۋىق قىلىپ، تەبىئەت دۇنياسى مۇتلەق روھ پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارىغان. ئاساسىي ئەسەرلىرى «مېنىڭ مېتافىزىكام»، تراگېدىيە «ۋاسلىي شۇيسكى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

ستانلېي

  • ستانلېي[يەشمىسى:] (Henry Morton Stanley، 1841 — 1904). مۇستەملىكىچى، ئېكسپېدىتسىيىچى. ئەسلى ئىسمى روۋلاندس (John Rowlands). ئەنگلىيىنىڭ ۋالېس رايونىدا تۇغۇلغان. بالىلىق ۋاقتىنى غېرىبخانىدا ئۆتكۈزگەن. 1859-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ، 1862 — 1895-يىللاردا ئامېرىكا تەۋەلىكىدە بولغان. ئامېرىكىنىڭ شىمال-جەنۇب ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1869-يىلى «نيۇ-يورك پېشىۋالار گېزىتى» نىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا، ئافرىقىنىڭ تانگانىكا كۆلى رايونىغا بېرىپ، يوقىلىپ كەتكەن لىۋىنگىستوننى ئىزدىگەن ۋە 1871-يىلى ئۇجىجى (Ujiji) كەنتىدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن، شۇنىڭدىن كېيىن داڭقى چىققان. 1874 — 1877-يىللاردا دارىسسالامنىڭ شىمالىدىكى باگامويودىن ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ۋىكتورىيە كۆلىنى ئايلىنىپ تانگانىكا كۆلىگە بارغان، لۇئالابا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، كونگو دەرياسىنى بويلاپ ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىغا يەتكەن. 1878 — 1884-يىللىرى يۇقىرىقى كونگو تەتقىقات كومىتېتى (كېيىن كونگو خەلقئارا جەمئىيىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن) تەرىپىدىن ئەۋەتىلىپ ھەمدە بېلگىيە كورۇلى لېئوپولد Ⅱ نىڭ گۇماشتىسى بولۇپ، كونگو دەرياسىنى بويلاپ ئوتتۇرا ئافرىقىغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن، يول بويى سودا پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، پرىستانلارنى ياساپ، مەمۇرىي ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلغان، زورلۇق كۈچ ۋە سېتىۋېلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق، يەرلىك قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن 400 دىن ئارتۇق شەرتنامە تۈزۈپ، كونگو دەرياسىنىڭ ۋادىسىدىكى كۆپ قىسىم جايلارنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ، بېلگىيىنىڭ كونگو (ل) (ھازىرقى زايىر) دىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى ئۈچۈن ئاساس سالغان. 1887 — 1889-يىللىرى ئۇگانداغا كىرىپ، شەرقىي ئافرىقىدىكى يەرلىك قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن بىر قاتار شەرتنامىلەرنى ئىمزالاپ، ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي ئافرىقا شىركىتى ئۈچۈن ھەر خىل ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئاساسىي ئەسەرلىرى «مەن لىۋنىگىستوننى قانداق تاپتىم»، «كونگو ۋە ئۇنىڭ ئەركىن شتاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

ستائۇففېنبېرگ

  • ستائۇففېنبېرگ[يەشمىسى:] (Claus Schenk Von Stauffenberg، 1907 — 1944) گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مايورى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە پولشا، فرانسىيە ۋە شىمالىي ئافرىقىدا ئۇرۇش قىلغان. 1943-يىلى يارىلىنىپ مېيىپ بولغاندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قورال-ياراق مەھكىمىسىنىڭ شتاب باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ نېمىس ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى گىتلېرغا قارشى سۇيىقەستكە قاتناشقان. 1944-يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، شەرقىي پرۇسسىيە گازارمىسىدا مۇددەتلىك بومبا بىلەن گىتلېرنى يارىلاندۇرغان ھەمدە بېرلىندا ھەربىي ئۆزگىرىشنى پىلانلاپ، شۇ كۈنى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن.

ستاۋىسكىي ۋەقەسى

  • ستاۋىسكىي ۋەقەسى[يەشمىسى:] فرانسىيىدىكى سىياسىي ۋەقە. فرانسىيە دۆلەت تەۋەلىكىدىكى رۇس ستاۋىسكىي (Serge Alexandre Stavisky، 1886 — 1934) ھايانكەشلىك پائالىيىتى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇن بايلىقنى ئالداپ ئېلىۋالغان. 1934-يىلىنىڭ بېشىدا، ستاۋىسكىي 500 مىليون فرانكلىق پۇل چېكىنى يالغاندىن ياسىغان قىلمىشى پاش بولۇپ قالغانلىقتىن، جىنايىتىدىن قورقۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سىياسىي ساھەدىكى 1200 نەپەر زات (27 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ۋە پارىژ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قا پارا بەرگەنلىكى، بىر مەھەل زىلزىلىگە سالغان سەتچىلىككە ئايلانغان. پوچتا-تېلېگراف مىنىستىرى گېئورگې ماندېر بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، نەتىجە چىقىرالمىغان. بۇ دېلو ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان رادىكال سوتسىيالىستلارغا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن، فرانسىيىدىكى ئوڭ قانات كۈچلەر بۇ ۋەقەدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قارىلىغان. جاۋتېمپس ئىچكى كابىنېتى 1934-يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى كوللېكتىپ ئىستېپا بەرگەن. فرانسىيىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى يەنىمۇ داۋالغۇپ، ئاخىرى «6-فېۋرال قوزغىلىڭى» غا ئېلىپ بارغان. 

ستەيىن

  • ستەيىن[يەشمىسى:] (1) ھېنرىخ ستەيىن(Heinrich Friedrich Karl Reichsfreiherr Vom Und Zum Stein، 1757 — 1831). پرۇسسىيە باش ۋەزىرى (1807 — 1808). ياش ۋاقتىدا ۋىستىفالىيىدە خىزمەت قىلىپ، بۇ جايدا سودا -سانائەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1804-يىلى پرۇسسىيىنىڭ سودا قوشۇمچە مالىيە ۋەزىرى بولۇپ، ئېشىپ بارىدىغان دارامەت بېجىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئارقىلىق مالىيە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، يۇنكېر ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 1807-يىلى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىنىپ، بىرقاتار بۇرژۇئازىيە لىبېرالىزملىق ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بارغان. 1807-يىلى «ئۆكتەبر يارلىقى» نى ئېلان قىلىپ، يانچىلارنىڭ جىسمانىي بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىپ، يۇنكېر ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۆچمەنلىكىگە ئۇچرىغان.1808-يىلى ھەربىي ئىسلاھاتنى قوللاپ، پرۇسسىيە ئارمىيىسىنى قايتىدىن قۇرغانلىقى ئۈچۈن، ناپولېئون ئۇنىڭغا «توپىلاڭ قىلىشقا قۇتراتقان» دېگەن جىنايەتنى ئارتىپ، ۋەزىپىسىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ تاشلاتقۇزغان ۋە تۇتۇش ھەققىدە ئومۇمىي بۇيرۇق چىقارغان. ئۇ دەسلىپىدە ئاۋسترىيىدە پاناھلانغان، كېيىن روسىيىگە بېرىپ، چارپادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان (1812 — 1815). روسىيىدە تۇرغان مەزگىلىدە، ۋەتەن ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان «گېرمانىيە كومىتېتى» ۋە «گېرمانىيە جۈنتۇەنى» نى تەشكىللىگەن ھەمدە 1813-يىلقى پرۇسسىيە-روسىيە ئىتتىپاقىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. روسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىللە ۋېنا يىغىنىغا قاتناشقان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1819-يىلى گېرمانىيە قەدىمكى تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتىنى قۇرغان ھەمدە «گېرمانىيە تارىخىي ماتېرىياللار توپلىمى» نى تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1826-، 1828-ۋە 1830 — 1831-يىللىرى ئۈچ قېتىم ۋىستىفالىيە ئۆلكىلىك پارلامېنتنىڭ باشلىقى بولغان. (2) مارك ستەيىن (Mark Aurel Stein، 1862 — 1943) ئەنگلىيىلىك. ئەسلى يۇرتى ۋېنگرىيە. ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيىلەردە شەرقشۇناسلىق، ئارخېئولوگىيىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، 1882-يىلى لاھوردىكى شەرق مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1899-يىلدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستان مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، 1900 — 1916-يىللاردا ئۈچ قېتىم جۇڭگونىڭ شىنجاڭ، گەنسۇ قاتارلىق جايلىرىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئۆلچەش ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئېلىپ كېتىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان. گەنسۇ دۇنخۇاڭدىكى مىڭئۆيدىن تاش غارلاردا مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت قەدىرلەپ ساقلانغان نۇرغۇنلىغان قوليازمىلار، قەدىمكى يازمىلار، بۇددا دىنىنىڭ سىزما رەسىملىرى، ئويما رەسىملىرى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كەتكەن. ئۇلار ھازىر ئەنگلىيىنىڭ لوندون برىتانىيە مۇزېيىدا ساقلانماقتا. كېيىن يەنە ھىندىستان، ئافغانىستانلاردا كۆپ قېتىم ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. «قەدىمكى خوتەن»، «سىرىسىيە»، «ئاسىيانىڭ ئىچكى رايونلىرى»، «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى يولدا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (3) گېرترۇد ستەيىن (Gertrud Stein، 1874 — 1946). ئامېرىكىلىق ئايال يازغۇچى. پېنسلۋانىيە شتاتىدىكى گېرمانىيىلىك يەھۇدىي كۆچمەننىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ۋېنا، پارىژ، ئوكلاند، كالىفورنىيە قاتارلىق جايلاردا تۇرغان. 1897 — 1901-يىللىرى يوھاننىس خوپكىنس مېدىتسىنا شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1903-يىلدىن باشلاپ، پارىژدا ئۇزاق ۋاقىت تۇرغان. ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن «ئىلىس توكلاسنىڭ تەرجىمىھالى»، «ئۈچ كىشىلىك تۇرمۇش»، «ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى» قاتارلىقلار ۋە شېئىرلار توپلىمى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزور ماقالىلىرى بار. ئىجادىيەت ئىدىيىسى ۋىللىيام يامىس ۋە بېرگسونلارنىڭ تەسىرىگە بىرقەدەر چوڭقۇر ئۇچرىغان. قىسمەن ئەسەرلىرىدە ئابستراكتچىلار ۋە ستروچىلارنىڭ پۇرىقى بار.

ست. بارتولومې پاجىئەسى

  • ست. بارتولومې پاجىئەسى[يەشمىسى:] ست. بارتولومې كېچىسى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. فرانسىيە خۇگۇئېنو (Hugueno) ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كاتولىك مۇرىتلىرىنىڭ خۇگۇئېنو مۇرىتلىرىغا قارشى قوزغىغان چوڭ قىرغىنچىلىق ۋەقەسى. 1572-يىلى 8-ئايدا، خۇگۇئېنوچىلارنىڭ كاتتا شەخسلىرى پارىژغا يىغىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ باشلىقى ھېنرى (تاۋارې) (Henri de Navarre) بىلەن فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅸ(CharlesⅨ، 1560 — 1574-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ سىڭلىسى مارگېرىت (Marguerite de France[devalois]، 1553 — 1615) نىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشقان. 24-كۈنى (بۇ كۈن ست. بارتولومې بايرىمى ئىدى) تاڭ سەھەردە، ۋالىدە كاتېرىنا مېدىچ (Caterinade Medici) بىلەن كاتولىك گۇرۇھىنىڭ باشلىقى ھېنرى گىس (Henri de torraine Guise) تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاپ، خۇگۇئېنو مۇرىتلىرىدىن 2000 دىن ئارتۇق ئادەمنى قىرىپ تاشلىغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە خۇگۇئېنوچىلارنىڭ رەھبىرى كولىنې (Gaspard de Coligni) مۇ ئۆلتۈرۈلگەن. ھېنرى (ناۋارې) دىنىنى ئۆزگەرتىپ، كاتولىك دىنىغا كىرىشكە ماقۇل بولغانلىقتىن، بەختكە يارىشا ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان. سىرتقى ئۆلكىلەرنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئىچكى ئۇرۇش تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەن. 

سترابون

  • سترابون[يەشمىسى:] (Strabon، تەخمىنەن مىلادىدىن 64 يىل ئىلگىرى — تەخمىنەن مىلادى 21-يىلى). قەدىمكى يۇنانلىق جۇغراپىيەشۇناس. كىچىك ئاسىيادىكى پونتوس (قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا) نىڭ ئامىئاسىيا (Amasia) دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ياخشى تەربىيە ئېلىپ، گرامماتىكا بىلەن پەلسەپە ئۆگەنگەن. ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپانىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى ساياھەت قىلىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 20-يىلدىن كېيىن رىمدا ئولتۇراقلاشقان. ئۇ 47 توملۇق «تارىختىن ئومۇمىي مەلۇمات» دېگەن ئەسەرنى يازغان. بۇ كىتاب پولىبۇس تارىخ كىتابىنىڭ داۋامى بولۇپ، تەخمىنەن ئاكىتۇم جېڭى(مىلادىدىن ئىلگىرىكى 31-يىلى) غىچە يېزىلغان؛ ئەمما ئۇنىڭ پارچىلىرىلا ساقلىنىپ قالغان. ھازىر ئۇنىڭ «جۇغراپىيە» دېگەن كىتابى (17 توملۇق بولۇپ، پەقەت 7-تومىلا يوقىلىپ كەتكەن) ساقلانماقتا؛ بۇ كىتاب ئالدىنقىلار (مەسىلەن: ئېراتوستېنېس قاتارلىقلار) نىڭ ماتېرىياللىرىدىن كەڭ پايدىلانغان. قەدىمكى زاماننىڭ مۇھىم جۇغراپىيە ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى تومى كىرىش سۆز بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى سەككىز تومىدا ياۋروپا (ۋە برىتانىيە)، ئالتە تومىدا ئاسىيا يېزىلغان؛ ئەڭ ئاخىرقى 17-تومىدا مىسىر بىلەن لىۋىيە بايان قىلىنغان. ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقىدىكى كەڭ رايونلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى، بايلىقى، ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىقلار، رايوننى بىرلىك قىلغان ھالدا بىرقەدەر سىستېمىلىق يېزىلغان ھەمدە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى تەبىئىي ئامىللارنىڭ تەسىرى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان، مەسىلەن: رىمنىڭ گۈللىنىشىنى ئىتالىيىنىڭ يەر شەكلى، كىلىماتى قاتارلىقلار بىلەن چۈشەندۈرگەن. «جۇغراپىيە» نىڭ كېيىنكى دەۋردىكى رايون جۇغراپىيىسى تەتقىقاتىغا بەلگىلىك تەسىرى بولغان، شۇنداقلا قەدىمكى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

ستراسبۇرگ قەسەمنامىسى

  • ستراسبۇرگ قەسەمنامىسى[يەشمىسى:] مىلادى 842-يىلى لۇئى (گېرمان) ۋە چارلېس (تاز) ستراسبۇرگ (Strasbourg، ھازىرقى فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان) تا ئېلان قىلغان قەسەمنامە.840-يىلى چارلېس ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى لۇئى (تەقۋادار) ئۆلۈپ، چوڭ ئوغلى لوتائىرېⅠ تەختكە چىققان. ئۇنىڭ ئۇكىسى لۇئى (گېرمان) بىلەن چارلېس (تاز) نارازى بولۇپ، ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان ھەمدە بۇ قەسەمنامىنى ئېلان قىلىپ، لوتائىرېنى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ قىلىش ئىرادىسىنى تىكلىگەن. قەسەمنامە ئايرىم-ئايرىم ھالدا قەدىمكى رومان تىلى ۋە تېيئوتون تىلىدا يېزىلغان، ئۇ «ۋېردۇن شەرتنامىسى» نىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. 

ستراففورد

  • ستراففورد[يەشمىسى:] (Strafford، 1593 — 1641). ⅩⅦ ئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىققان خانپەرەسلەرنىڭ ۋەكىلى. ئەسلى ئىسمى توماس ۋېنتۋورت (Thomas Wentworth). يوركىشىردىكى كونا ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1614-يىلى پارلامېنتقا كىرگەن. ھۆكۈمەتنىڭ بەزى ئىمتىيازلىق كىشىلىرىنى تەنقىد قىلغانلىقى ۋە باج تاپشۇرۇشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. 1628-يىلى پارلامېنتقا قايتىپ كېلىپ، «ھوقۇق تەلەپنامىسى» نى تاپشۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. كېيىن ئۆكتىچىلەردىن ئايرىلغان. 1632 — 1639-يىللاردا ئېرلاندىيىنىڭ مۇئاۋىن باش ۋالىيسى بولغان. 1639-يىلى چارلېسⅠ نىڭ يېقىن ئادىمىگە ئايلانغان.1640-يىلى گراف ئۇنۋانى بېرىلگەن. شۇ يىلى11-ئايدا پارلامېنت تەرىپىدىن ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتىنى ئۆتكۈزدى، دەپ ئەيىبلەنگەن. 1641-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

سترالسۇند سۈلھ شەرتنامىسى

  • سترالسۇند سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] 1370-يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى دانىيە بىلەن خانسا ئىتتىپاقى سترالسۇند (Stralsund، سابىق دېموكراتىك گېرمانىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، بالتىق دېڭىزىغا يېقىن)تا ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسى. 1367 — 1370-يىللاردا دانىيە خانسا ئىتتىپاقى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆز زېمىنىدا ۋە ئەتراپىدىكى دېڭىزدا سودا ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا قارشى تۇرغان. نەتىجىدە دانىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، سۈلھ تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، خانسا ئىتتىپاقى دانىيىدە ئەركىن سودا قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولغان ھەمدە ئورېسۇند (Oresund) بوغۇزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ھالسىنبۇرگ (Halsinborg)، مالمو (Malmo) قاتارلىق تۆت شەھەرنى 15 يىللىق ئىگىلىگەن؛ دانىيە خانسا ئىتتىپاقىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ يېڭى كورۇل سايلىيالمايدىغان بولغان.

ستروسمايېر

  • ستروسمايېر[يەشمىسى:] (Josip Juraj Strossmayer، 1815 — 1905). كرودىيە مەدەنىيەت گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، جاكېۋو ئېپىسكوپى. 1867-يىلى زاگرېبتا جەنۇبىي سلاۋىيان شۆيۈەنىنى تەسىس قىلغان. 1874-يىلى يەنە كرودىيە داشۆسىنى قۇرۇپ، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خورۋاتلار بىلەن پراۋوسلاۋ دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان سېربلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى مائارىپ ئارقىلىق تۈگىتىشكە تىرىشقان. ئۆمۈر بويى جەنۇبىي سلاۋىيانلارنىڭ بىرلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ كۈچ چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما خورۋات مىللەتچىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 

ستروڭ

  • ستروڭ[يەشمىسى:] (Anna Louise Strong،1885 — 1970). ئامېرىكىلىق ئايال مۇخبىر ۋە يازغۇچى. نېبراسكا شتاتىنىڭ فلاند شەھىرىدىكى پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1908-يىلى چىكاگو داشۆسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. ياش ۋاقتىدىلا ئىشچىلار ھەرىكىتىگە كىرىشكەن. 1921-يىلى سوۋېت روسىيىسىنى بىرىنچى قېتىم زىيارەت قىلغان. 1925-يىلى جۇڭگونى بىرىنچى قېتىم زىيارەت قىلغان. 1928-يىلى «جۇڭگودىكى مىليونلىغان ئامما» دېگەن كىتابىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈرىشىنى تونۇشتۇرغان. ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە جۇڭگوغا يەنە ئىككى قېتىم كەلگەن، 1938-يىلى «ئىنسانىيەتنىڭ بەشتىن بىر قىسمى» نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنقىلابىنى ۋە ياپونغا قارشى ئۇرۇشىنى تەشۋىق قىلغان. 1946-يىلى جۇڭگوغا بەشىنچى قېتىم كەلگىنىدە، يەنئەننى زىيارەت قىلغان. 1947-يىلى چاتما خەۋەر «جۇڭگودا سۈبھى كۆرۈندى» نى ئېلان قىلغان. 1949-يىلى يەنە «جۇڭگولۇقلار جۇڭگونى بويسۇندۇردى» دېگەن كىتابىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئازاد رايونلىرىدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى تەسۋىرلىگەن. سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۇزاق مۇددەت تۇرۇپ، ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە سولانغان، 1955-يىلى گۇناھسىز ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان. 1958-يىلى جۇڭگونى ئالتىنچى قېتىم زىيارەت قىلغاندىن كېيىن بېيجىڭدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. «ستالىن دەۋرى» قاتارلىق ئەسىرى بار. 

سترۇۋې

  • سترۇۋې[يەشمىسى:] (Василий Яковлевич Струве، 1793 — 1864). روسىيىلىك ئاسترونوم. 1810-يىلى تېرپۇت داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن مۇشۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغان (1818 — 1839). 1839-يىلى پركوۋو رەسەتخانىسىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ تۇنجى باشلىقى بولغان. ئۇ توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىنىڭ ئارىلىقىنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆلچەپ بېكىتكەن؛ سامانيولى سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇقتا نۇرنى شۈمۈرۈش ھادىسىسىنىڭ بارلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن. يەنە دوناي دەرياسى بىلەن شىمالىي مۇز ئوكيان ئارىسىدىكى مەلۇم بىر مېرىدىئاننىڭ بىر بۆلىكىنىڭ ياي ئۇزۇنلۇقى (′20°25) نى ئۆلچەپ چىققان. ئۇنىڭ «ئاسمان جىسىملىرىنى ئۆلچەش ئىلمى»، «تۇرغۇن يۇلتۇزلارنى ئاسترونومىيىلىك تەتقىق قىلىش»، «تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ توغرا ئورنىنى كۆرسىتىش جەدۋىلى»، «جور يۇلتۇزنى كۆزىتىش ۋە ئۆلچەش» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

سترۇۋې

  • سترۇۋې[يەشمىسى:] (Пётр Бернтардович Струве، 1870 — 1944) روسىيىلىك بۇرژۇئا ئىقتىسادشۇناسى، پەيلاسوپ، «قانۇنىي ماركسىزم» نىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى. پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. كېيىن بۇ پارتىيىدىن ئايرىلىپ، ئاساسىي قانۇنچى دېموكراتلار پارتىيىسى ئوڭ قانىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، «روسىيە ئىدىيىسى» ژۇرنىلىدا باش تەھرىرلىك قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوتسىيال شوۋىنىزمچىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن دېنىكىن، ۋرانگېل ئەكسىلئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىرى بولغان. نارودنىكلارنىڭ نۇقتىئىنەزەرىنى بۇرژۇئا مەيدانىدا تۇرۇپ تەنقىد قىلىپ، روسىيە كاپىتالىزمىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ پاكىتلىرىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كاپىتالىزمنى مەدھىيىلەپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرۇپ، ماركسىزمنى بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىقىغا ئۆزگەرتمەكچى بولغان. ئىقتىسادشۇناسلىق جەھەتتە ماركسنىڭ ئەمگەك قىممىتى نەزەرىيىسىنى بۇرمىلاپ، مالتۇسنىڭ نوپۇس نەزەرىيىسىنى ھىمايە قىلغان؛ ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى يوققا چىقىرىپ، ئوبيېكتىپ ئىقتىسادىي قانۇنىيەتلەرنى ئىنكار قىلغان. ئۇنىڭ «روسىيە ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى مەسىلىسى توغرىسىدا بايان»، «ئىگىلىك ۋە قىممەت» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

سترۇۋېچىلىق

  • سترۇۋېچىلىق[يەشمىسى:] «قانۇنىي ماركسىزم» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا روسىيىدە مەيدانغا كەلگەن بۇرژۇئا ئىدىيىۋى ئېقىمى. ئاساسلىق ۋەكىلى سترۇۋې. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، ماركسىزم روسىيىدە كەڭ تارقالغان، بەزى بۇرژۇئا لىبېرال زىيالىيلىرى ماركسىزم تۇغىدىن پايدىلىنىپ، بۇرژۇئا مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقچى بولغان. ئۇلار دائىم چار پادىشاھى ھۆكۈمىتى ماقۇل بولغان«يېڭى گەپ-سۆز»، «ھايات» قاتارلىق قانۇنىي گېزىت-ژۇرناللاردا ئۆز نۇقتىئىنەزەرىنى تەشۋىق قىلغانلىقتىن «قانۇنىي ماركسىزم» دەپ ئاتالغان. ماركسىزمنى بۇرمىلاپ ۋە ئۆزگەرتىپ، كاپىتالىستىك تۈزۈمنى پەردازلاپ، كاپىتالىزمنىڭ «ئىلغارلىقى» نى تەشۋىق قىلىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئىشچىلار سىنىپىنى ۋەھشىيانە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغانلىق جىنايىتىنى ۋە ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ نامراتلىقىنىڭ مەنبەسىنى يوشۇرۇپ، سىنىپىي زىددىيەتنى يوققا چىقىرىپ، كاپىتالىزم «تىنچ ھالدا ئۆسۈپ» سوتسىيالىزمغا «كىرىدۇ» دېگەننى تەرغىپ قىلىپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ۋە دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرغان. لېنىن نارودنىكلارغا قارشى كۈرەش جەريانىدا، «سترۇۋېزمچىلار» بىلەن ۋاقىتلىق ھەمكارلاشقان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ لىبېرال بۇرژۇئازىيىلىك خۇسۇسىيىتى ۋە ئاغمىچىلىق نۇقتىئىنەزەرلىرىنى تەنقىد قىلغان. كېيىن سترۇۋې ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى ئىچىدىكى بىرمۇنچە كىشىلەر كادېتلار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، چۈشكۈنلىشىپ، پرولېتارىياتنىڭ دۈشمەنلىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن. 

سترېسا يىغىنى

  • سترېسا يىغىنى[يەشمىسى:] ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت گېرمانىيىنىڭ «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى» غا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئاچقان خەلقئارا يىغىن. 1935-يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، گېرمانىيە «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى» نىڭ ھەربىي ئىشلارغا دائىر ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھەربىي خىزمەت مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەش تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ۋېرسال سىستېمىسىغا قاتتىق زەربە بەرگەن. فرانسىيىنىڭ تەشەببۇس قىلىشى ئارقىسىدا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە 4-ئاينىڭ 11 — 14-كۈنلىرى ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى سترېسا (Stresa) دا يىغىن ئېچىپ، «ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ سترېسا يىغىنىدا چىقارغان ياۋروپا مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارى» نى ماقۇللاپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ شەرقىي ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بېكىتكەن؛ ئاۋسترىيىنىڭ مۇستەقىللىكى ۋە پۈتۈنلۈكىنى ساقلاشنىڭ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئورتاق سىياسىتىنىڭ ئاساسىي ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان؛ گېرمانىيىنىڭ «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە بىر تەرەپلىمە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، يېڭىباشتىن قوراللانغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەنگلىيە بىلەن ئىتالىيە «لۇگگارۇس ئەھدىنامىسى» دا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، ئۈچ دۆلەت بارلىق ئەمەلىي، يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سۈلھ شەرتنامىسىنى بىر تەرەپلىمە بىكار قىلىپ ياۋروپا تىنچلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇشقا ھەمدە مۇشۇ مەقسەتتە زىچ ھەمكارلىشىشقا قوشۇلغان. يىغىن ئىتالىيىنىڭ ئېفىئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا سۈكۈت قىلغان. سترېسا يىغىنى يۇقىرىقى قۇرۇق قارارنى ئېلان قىلغاندىن باشقا، ھېچقانداق ئەمەلىي تەدبىر قوللانمىغان.

سترېسېمان

  • سترېسېمان[يەشمىسى:] (Gustav Von Stresemann، 1878 — 1929) گېرمانىيە زۇڭلىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى. سودىگەردىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدىلا سىياسىي ساھەگە كىرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1923-يىلى 8-، 11-ئايلاردا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ تەشكىل قىلىنغان ئىچكى كابىنېتنىڭ زۇڭلىسى بولۇپ، فرانسىيە-بېلگىيىلەرنىڭ لۇر رايونىنى ئىشغال قىلىشىغا بولغان پاسسىپ قارشىلىقىنى توختاتقان؛ ساكسېن، تيۈرىنگېر ئىشچىلار ھۆكۈمىتىنى ۋە ھامبۇرگ ئىشچىلىرىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان مەزگىلدە (1923 — 1929)، غالىب دۆلەتلەر بىلەن يارىشىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ، «داۋېس پىلانى» نى قوبۇل قىلغان، «لۇگگارۇس ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالىغان ھەمدە گېرمانىيىنى دائىمىي ھەيئەت دۆلەت سۈپىتىدە خەلقئارا ئىتتىپاققا كىرگۈزگەن. 

سترىندبېرگ

  • سترىندبېرگ[يەشمىسى:] (Johan August Strindberg، 1849 — 1912). شۋېتسىيىلىك دراماتورگ، يازغۇچى ۋە شائىر. ستوكھولمدىكى بىر سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوسسالا داشۆسىدە ئوقۇغان. ئوقۇتقۇچى، ئارتىس، مۇخبىر ۋە خانلىق كۇتۇپخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغان. كۆپ قېتىم چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. دەسلەپكى ئەسەرلىرىنىڭ تولىسى ياشلىق، ئۆسمۈرلۈك تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەيدىغان ئەدەبىي سەھنە ئەسەرلىرىدىن ئىبارەت بولغان. 1879-يىلى بيۇروكراتلىق ۋە ھايانكەش سودىگەرلەرنى سۆككەن رومانى «قىزىل ئۆيلەر» نى ئېلان قىلىپ، بىردىنلا داڭق چىقارغان. 80-يىللاردا نورۋىگىيە يازغۇچىسى ئىبىسېننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئۆزگەرگەن. 1886-يىلى يېڭى ئىجادىيەت ئۇسلۇبى بىلەن ئۆزىنىڭ تەرجىمىھال ئەسىرى «دېدەكنىڭ ئوغلى» نى يېزىپ، «80-يىللار ئېقىمى» دەپ نام ئالغان.80-يىللاردىن 90-يىللارغىچە نېتزسخې ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئەسەرلىرى تەبىئەتچىلىك ۋە سىرلىقلاشتۇرۇش تۈسىنى ئالغان، مەسىلەن: «دەمەشققە بارىدىغان يول»، «ئۆلۈم ئۇسۇلى» دېگەن سەھنە ئەسەرلىرى ۋە «دېڭىز بويىدا» دېگەن رومانى قاتارلىقلار. كېيىنكى ئەسەرلىرى دېموكراتچىلىققا مايىل بولغان، مەسىلەن: چارلېس ⅩⅡ»، «گوستاف ئادولف» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى. 

ستننېس

  • ستننېس[يەشمىسى:] (Hugo Stinnes، 1870 — 1924)، گېرمانىيىنىڭ مونوپول كاپىتالىستى. ياش ۋاقتىدا كانچىلىق ۋە ئىنژېنېرلىقنى ئۆگەنگەن. 1892-يىلى ستننېس شىركىتىنى قۇرغان، ئۇ تېز تەرەققىي قىلىپ، كۆمۈركان، سۇ قاتنىشى، پولات-تۆمۈر ۋە ئېلېكتر كۈچى قاتارلىق تارماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كونسېرىنغا ئايلانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ھەربىي لاۋازىمەتلىكلەرنى ئىشلەپ چىقىرىش ئارقىلىق، ئۇرۇشتىن تازا بېيىغان. 20-يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپ گىتلېرنىڭ ناتسىستلار پارتىيىسىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن پائال ياردەم قىلغان.

ستورسكىفتې تۈزۈمى

  • ستورسكىفتې تۈزۈمى[يەشمىسى:] شۋېتسىيىچە Storskifte نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، ئەسلى مەنىسى چوڭ ئۆزگىرىش دېگەنلىك بولىدۇ. شۋېتسىيىدە شىلەپىلىكلەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن (1739 — 1765) مەزگىلدىكى بىر خىل بىرقەدەر تەرەققىيپەرۋەر بولغان يەر ئايرىش تۈزۈمى بولۇپ، 1757-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. ئۇنىڭ ئۇسۇلى قورۇق تۈزۈلمىسىنى بۇزمىغان ئەھۋال ئاستىدا، تېرىقچىلىق قىلىشقا ئاسان بولۇشى ئۈچۈن، دېھقانلارغا ئۆزىنىڭ تارقاق ئۇششاق ئېتىزلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر پۈتۈن پارچىغا ئايلاندۇرۇش، ئۆز ئالدىغا بىر گەۋدە بولۇشقا رۇخسەت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان. بۇ خىل تۈزۈم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن. 

ستوكھولم قانلىق دېلوسى

  • ستوكھولم قانلىق دېلوسى[يەشمىسى:] دانىيە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ شۋېتسىيە خەلقىنى بىر قېتىم چوڭ قىرغىن قىلىشى. دانىيە كورۇلى كرىستىئانⅡ (ChristianⅡ، 1481 — 1559) شۋېتسىيىگە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان، 1520-يىلى ستوكھولمنى ئىشغال قىلغان. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى تاج كىيىپ شۋېتسىيە كورۇلى بولغان.11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ، ئۇ دانىيەپەرەس ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دانىيىگە قارشى تۇرغان ئىككى نەپەر ئېپىسكوپنى، سىياسىي ئىشلار كېڭىشىنىڭ بىرقانچە نەپەر ئەزاسىنى ۋە ئاقسۆڭەكلەر، شەھەر ئاھالىسى قاتارلىق جەمئىي 82 نەپەر كىشىنى ئۆلتۈرگەن. بۇ قانلىق قىلمىش شۋېتسىيە خەلقىنىڭ دانىيىگە قارشى مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا تۈرتكە بولغان. گوستاۋ ۋاسا رەھبەرلىك قىلغان قوزغىلاڭنىڭ زەربىسى ئاستىدا، كرىستىئان ئاخىرى 1523-يىلى شۋېتسىيىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. 

ستولبوۋو سۈلھ شەرتنامىسى

  • ستولبوۋو سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] روسىيە-شۋېتسىيە ئۇرۇشى (1609 — 1617) نى ئاخىرلاشتۇرغان شەرتنامە. 1617-يىل 2-ئاينىڭ 27-كۈنى روسىيىنىڭ ستولبوۋو(Столобово) شەھىرىدە ئىمزالانغان. شەرتنامە بويىچە شۋېتسىيە فىنلاندىيىنىڭ ئىنگېرمانلاند (Ingermanland) ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق تاقىم ئاراللارغا ئىگە بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ شۋېتسىيە بالتىق دېڭىزى ساھىلىدىكى سودا پورتلىرىنى كونترول قىلغان. 

ستولېتوۋ

  • ستولېتوۋ[يەشمىسى:] (Александр Григорьевеич Столетов، 1839 — 1896). روسىيىلىك فىزىك. سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. موسكۋا داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، گېرمانىيىگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان. 1866-يىلى ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1873-يىلى پروفېسسور بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مۇۋەپپەقىيىتى ماگنىت ئىلمى ۋە فوتو ئېلېكترلىق ھادىسە جەھەتتە بولۇپ، فوتو ئېلېكترلىق تەسىرنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىنى تاپقان. يەنە تۆمۈرنىڭ ماگنىتلىنىش خۇسۇسىيىتىنى تەتقىق قىلىپ، ئېلېكتر ماشىنىلىرىنىڭ مۇۋاپىق ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ ئاساسىنى سالغان. فىزىكىدىكى ئىدېئالىستىك پىكىر ئېقىمىغا قارشى تۇرۇپ، ماتېرىيالىزمنى قوغدىغان.

ستولىپىن

  • ستولىپىن[يەشمىسى:] (Пётр Аркадьевич Столпин، 1862 — 1911). روسىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1906 — 1911). ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پېتېربۇرگ داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، 1884-يىلىدىن باشلاپ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە خىزمەت قىلغان. ساراتوۋ ئۆلكىسىنىڭ گوبېرناتورى بولغان (1903 — 1906). ئۇنىڭ باش ۋەزىر بولغان مەزگىلى «ستولىپىن ئەكسىيەتچىلىكى» دەپ ئاتالغان. سىياسىي جەھەتتە، «3-ئىيۇن» سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغاپ، 1905-يىلى ئىنقىلابىغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان؛ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى ۋە ئىشچىلارنىڭ گېزىت-ژۇرناللىرىنى پېچەتلىگەن؛ ھەربىي سوتلارنى كۆپلەپ قۇرۇپ، ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مىڭلىغان ئىنقىلابچىلارنى قىرغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە، يېزا جامائەسى تۈزۈمىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، باي دېھقانلارنى يۆلەپ، ئۇلارنى چار پادىشاھ ھاكىمىيىتىنىڭ يېزىلاردىكى تايانچى قىلىشىنى مەقسەت قىلغان «يەر ئىسلاھاتى» نى يۈرگۈزگەن. 1906-يىلى 11-ئايدا قانۇن تۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ يېزا جامائەسىدىن چېكىنىپ چىقىشقا ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۈلۈش يېرىنى خۇسۇسىي مۈلۈككە ئايلاندۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن يېزا جامائەسى كۈنسايىن پارچىلىنىپ، باي دېھقانلارنىڭ كۈچى ئېشىپ، كۆپ ساندىكى دېھقانلار يەردىن ئايرىلىپ ۋەيران بولغان، يېزىلاردىكى سىنىپىي زىددىيەت كەسكىنلەشكەن. ئۇ 1911-يىلى كېيۋتا سوتسىيال ئىنقىلابچىلار تەرىپىدىن قەتىل قىلىنغان. 

ستوۋاتسكى

  • ستوۋاتسكى[يەشمىسى:] (Juliusz Stowacki، 1809 — 1849). پولەك شائىرى. ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ۋىلنوس داشۆسىدە ئوقۇغان. 1830-يىلى پولشا قوزغىلىڭى پارتلىغان چاغدا، «مەدھىيە ناخشىسى»، «ئەركىنلىككە مەدھىيە» قاتارلىق شېئىرلىرىنى ئېلان قىلىپ، خەلقنى مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. 1831-يىلى قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن شۋېتسارىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان، كېيىن ئىتالىيە، گرېتسىيە، ئىسپانىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرغان. ئەسەرلىرىدە پولشا خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىكىنى تەلەپ قىلىدىغان كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ، ئۇششاق ئاقسۆڭەك ئىنقىلابچىسىنىڭ خەلقتىن ئايرىلغان ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭ «كولدىئان»، «باللاتىننا»، «لىللا ۋىنندا»،«خام خىيال»، «پەرىشتە قەھرىمان»، «بىلىياۋىسكى» (تۈگىمىگەن) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

ستوۋې

  • ستوۋې[يەشمىسى:] (Harriet Elizabeth Beecher Stowe، 1811 — 1896) ئامېرىكىلىق ئايال يازغۇچى. كوننېستكۇت شتاتىدىكى پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق چېغىدىن باشلاپ كالۋىن دىنى ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرغان. 1851 — 1852-يىللىرى «توماس تاغىنىڭ كەپىسى» (بۇرۇنقى تەرجىمىسى«نېگىر قۇلنىڭ ئاھ-زارى») دېگەن داڭلىق رومانىنى يېزىپ، قۇللۇق تۈزۈمنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. بۇ كىتاب بىر يىل ئىچىدە 300 مىڭ پارچىدىن كۆپرەك سېتىلغان ھەمدە تىياتىر قىلىپ ئوينالغان، يەنە كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ يېزىقىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇ يەنە ھاراقنى چەكلەش، ئاياللارنىڭ سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، 16 توملۇق ئەسەرلەر توپلىمى بار، ئەسەرلىرىنىڭ تولىسىدا ⅩⅨ ئەسىردىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيىنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 

ستوئىكوئى ئېقىمى

  • ستوئىكوئى ئېقىمى[يەشمىسى:] قەدىمكى يۇناننىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە پەيدا بولغان پەلسەپە ئېقىمى. بۇ ئېقىمنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى زېنون (تىستۇم) بولۇپ، ئۇ ئافىنا مەيدانىدىكى تام رەسىملىرى سىزىلغان تۈۋرۈكلۈك پېشايۋان (Stoa Poikile) نىڭ ئاستىدا مەكتەپ ئېچىپ شاگىرت تەربىيىلىگەن، تۈۋرۈكلۈك پېشايۋان يۇنان تىلىدا ستوئا(Stoa) دېيىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ستوئىكوئى (Stoikoi ياكى Stoics) دەپ نام ئالغان، مەنىسى «رەسىملىك پېشايۋان ئېقىمى» دېگەنلىك بولىدۇ. زېنون ھېراكلىتنىڭ تەلىماتىغا ئەگىشىپ، ئالەمنىڭ ئاساسىي ئېلېمېنتى ئوتتۇر، ئادەم «تەبىئەتكە ئىتائەت قىلىپ» ياشىشى لازىم، دەپ قارىغان. بۇ ئېقىمنىڭ دەسلەپكى ۋەكىللىرىدىن يەنە كلېئانتېس (Kleanthes، مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅢ ئەسىر)، خرىسىپپوس(Chrysippos، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىر) قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالەم قارىشى يەنىلا ساددا ماتېرىيالىزمغا مايىل ئىدى؛ ئۇلار يەنە فورمال لوگىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدىلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان؛ ئېتىكا تەتقىقاتىغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن ھەمدە ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى مەۋجۇت بولامدۇ-يوق دېگەن مەسىلىنىمۇ مۇھاكىمە قىلغانىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە رودې ئاراللىق پانائىتىئوس (Panaitios ياكى Panaetius) ستوئىكوئى پەلسەپىسىنى رىمغا تارقاتقان، ئۇ رىملىق مەشھۇر كىشى — كىچىك ستىسپو بىلەن دوست بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئافىنادا ستوئا مۇنبىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. رىملىق سىتىسېرومۇ مۇشۇ ئېقىمدىكى ئالىم، سۈرىيىلىك پوسېدونىئوس (Poseidoinios، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە) نىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچراپ، يۇناننىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى روھنىڭ قايتىشى تەلىماتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ستوئىكوئى ئېقىمىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى مۇھىم شەخسلەر رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى سېنېكا، ئېپىكتېتوس ۋە ماركۇس ئاۋرېلىئۇس بولۇپ، ئۇلار تەبىئەتنى تەتقىق قىلىشقا قىلچىمۇ قىزىقمىغان، ئاساسەن ئېتىكا پەلسەپىسىنىڭ تېمىلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەن ۋە مۇھاكىمە قىلغان، بۇ چاغدا دەسلەپكى مەزگىللىك ستوئىكوئى ئېقىمىنىڭ ساددا ماتېرىيالىزمدىن ئەسەر قالمىغان بولۇپ، ئادەتتە «يېڭى ستوئىكوئى ئېقىمى» دەپ ئاتالغان. بۇ ئېقىم پاسسىپ تەركىدۇنياچى تەقدىرچىلىك تەرەپدارلىرى بولۇپ، بايلىقتىن بىزار بولغان (ھېچ بولمىغاندا نەزەرىيە جەھەتتە)، زاھىتلىقنى تەرغىپ قىلغان، مەنسەپ-مەنپەئەت قوغلاشماسلىقنى ۋە ھەۋەس قىلماسلىق (باشقا نەرسىلەرگە قىزىقماسلىق) نى تەكىتلەپ، «تەن روھنىڭ ئاسارىتىدۇر» دېگەننى تەشۋىق قىلغان. ئۇلار يەنە «دۇنياۋى دۆلەت»، «دۇنياۋى پۇقرا» دېگەن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلەر دوستانە ئۆتۈشى لازىم، ھەتتا دۈشمىنىنىمۇ ياخشى كۆرۈشى كېرەك دەپ قارىغان ھەمدە قۇللارمۇ ئىنسانىيەتنىڭ باراۋەر بىر ئەزاسى بولسا بولىدۇ، دەپ ئېتىراپ قىلغان. ستوئىكوئى ئېقىمىدىكى پەلسەپە ئىپتىدائىي خرىستىئان دىنىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبەلىرىدىن بىرى بولغانىدى. 

ستويانوۋ

  • ستويانوۋ[يەشمىسى:] (Заxарий Стоянов،1850 — 1889). بۇلغارىيىلىك ئىنقىلابچى، يازغۇچى. ياش ۋاقتىدا مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1875-يىلىدىكى ستارا زاگورا قوزغىلىڭى ۋە 1876-يىلىدىكى ئاپرېل قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە قاتناشقان. 80-يىللارنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە «ئىشچىلار گېزىتى» ۋە «كۈرەش گېزىتى» نىڭ ئوبزورچىسى ۋە تەھرىرى بولغان. ئەسلىدە رادىكال دېموكرات مەيدانىدا تۇرغان بولسىمۇ، كېيىن ئوڭ قاناتقا ئۆزگىرىپ، خانپەرەسلەرنىڭ ئەكسىيەتچى مۇستەبىتلىكىنى ھىمايە قىلغان. 1880-يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. «بۇلغارىيىدىكى بىرقانچە قېتىملىق قوزغىلاڭ خاتىرىسى» ۋە لېۋسكىي، كاراۋېلوۋ، بوتېۋلارنىڭ تەرجىمىھاللىرى قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

ستۇئارت سۇلالىسى

  • ستۇئارت سۇلالىسى[يەشمىسى:] شوتلاندىيىدىكى ستۇئارت (Stuart ياكى Stewart Steuart تىن كېلىپ چىققان) جەمەتىنىڭ شوتلاندىيىدە (1371-يىلىدىن باشلاپ) ۋە ئەنگلىيىدە (1603 — 1649، 1660 — 1714) قۇرغان سۇلالىسى. 1603-يىلى تۇدور سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى كورۇلىۋاسى ئېلىزابىتاⅠ ئۆلگەندىن كېيىن، تەخت ۋارىسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، شوتلاندىيە كورۇلى يامېس Ⅵ ئەنگلىيىنىڭ كورۇللۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يامېسⅠ دەپ ئاتالغان. سۇلالە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ پۇرىتانلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقى، مەخسۇس سېتىش ھوقۇقىنى يېقىن ئادەملىرىگە سېتىپ بەرگەنلىكى بۇرژۇئازىيە بىلەن يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئاخىرى 1640-يىلىدىكى بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى پارتلىغان. 1649-يىلى چارلېس Ⅰ پارلامېنت تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، سۇلالە يوقالغان. 1660-يىلى چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن چارلېس Ⅰ نىڭ ئوغلى چارلېس Ⅱ ئەنگلىيىگە قايتىپ كېلىپ، ستۇئارت سۇلالىسىنى تىرىلدۈرگەن. 1688-يىلى بۇرژۇئازىيە بىلەن يېڭى ئاقسۆڭەكلەر سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، يامېس Ⅱ نى ئەمەلدىن قالدۇرغان. 1689-يىلى ئەنگلىيە پارلامېنت يامېس Ⅱ نىڭ كۈيئوغلى، گوللاندىيە ئورانگې شاھزادىسى ۋىللىيامنى ئەنگلىيە كورۇلى دەپ ئېلان قىلىپ، ۋىللىيامⅢ دەپ ئاتىغان؛ ئۇنىڭ ئايالى مارى كورۇلىۋا بولغان. شۇ يىلى پارلامېنت «ھوقۇق قانۇنى» نى ماقۇللاپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىق بېكىتكەن. بۇ سۇلالىدە ئۆتكەن كورۇللار ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە تۇرغان يىللىرى تۆۋەندىكىچە: يامېسⅠ (1603 — 1625)؛ چارلېس Ⅰ (1625 — 1649)؛ چارلېس Ⅱ (1660 — 1685)؛ يامېس Ⅱ (1685 — 1688)؛ۋىللىيام Ⅲ (William Ⅲ، 1689 — 1702) ۋە مارى Ⅱ (MaryⅡ، 1689 — 1694)؛ كورۇلىۋا ئاننا (Anne، 1702 — 1714). ئاننا ئۆلگەندىن كېيىن، پارلامېنت 1701-يىلى ماقۇللىغان قانۇنغا ئاساسەن، كورۇللۇق تەختى ستۇئارت جەمەتىنىڭ يىراق تۇغقىنى، گېرمانىيىدىكى ھاننوۋېرنىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى كىنەزى گېئورگېغا بېرىلىپ، ھاننوۋىر سۇلالىسى باشلانغان. 

ستۇپا

  • ستۇپا[يەشمىسى:] سانسىكرىتچە stupa نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ھىندىستاندا تۇرغان جۇڭگولۇق راھىبلار ئۇنى بۇددا مۇنارى دەپ ئاتىغان. ئەسلى بۇددا مۇرىتلىرى بۇددا سۆڭەكلىرىنى ساقلايدىغان جاي. ئۇنىڭ بەزىلىرى ئىبادەتخانا ۋە سانگاراماغا ئايلىنىپ، بۇتقا چوقۇنىدىغان مەركەز بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ شەكلى ئادەتتە يېرىم چەمبەرسىمان قەبرىگە ئوخشايدۇ. ھىندىستان مەركىزىي شتاتىنىڭ مالۋا يېنىدىكى سانچى (sanchi) دا ساقلاپ قېلىنغان چوڭ ستۇپا ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئەڭ بالدۇرقى ئۆرنەكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ستۇپا ئاسوكا دەۋرىدە (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىر) قۇرۇلۇشقا باشلىنىپ، كېيىن ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ خىش-تاش قۇرۇلمىلىق، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 16 مېتر، دىئامېترى تەخمىنەن 37 مېتر كېلىدىغان، ئۈستى تەكشى سۇپا بولغان، سۇپىنىڭ ئۈستىگە تۆت چاسا پەشتاق، پەشتاق ئۈستىدە كۈنلۈكسىمان تۈۋرۈك تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، بۇددانىڭ خان جەمەتىدىن كېلىپ چىققانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان. بۇددا مۇنارىنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئايلانما تاش سالاسۇنلۇق يول ياسالغان، سانچىدىكى ستۇپانىڭ تۆت ئەتراپىدا بىردىن تاش دەرۋازا بولۇپ، ھەربىر دەرۋازىغا بۇددا دىنى سۇژىت قىلغان نەپىس نەقىشلەر ئويۇلغان، پۈتكۈل بۇددا مۇنارى بۇددا دىننىي بىناكارلىق ئويمىچىلىق سەنئىتىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇھىم ئاسار-ئەتىقىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

ستۇم يىللىرى

  • ستۇم يىللىرى[يەشمىسى:] 1894— 1899- يىللىرىدىكى گېرمانىيە ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيىسىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئەكسىيەتچىل مەزگىلىنى كۆرسىتىدۇ. كاتتا سانائەتچى، گېرمانىيە پادىشاھى ۋىلىيامⅡنىڭ يېقىن ئادىمى ۋىكونت ستۇم ھالبېرگ (Karl Ferdinand Von Stumm - Halberg، 1836 — 1901) بەرگەن تەكلىپ بولغانلىقتىن، شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 1894-يىلى 12-ئايدا، گېرمانىيە ئىمپېرىيە پارلامېنتى ستۇمنىڭ سوتسىيال-دېموكراتىك پارتىيىسى ئەزالىرىنىڭ سايلاش، سايلىنىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەمدە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنى نەزەربەنت قىلىش ۋە چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە ئاساسەن، «ھازىرقى تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنغۇچىلاردىن ساقلىنىش» قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھازىرقى دۆلەت تۈزۈمىگە قارشى تۇرغانلىكى كىشى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ «سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن» نىڭ كۆچۈرۈلمىسىدىن ئىبارەت. ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ قۇدرەتلىك بېسىمى ئاستىدا، بۇ قانۇن لايىھىسى ئىنكار قىلىنغان. 1897-يىلى پارلامېنت يەنە ئىشچىلارغا قارشى «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قانۇنى» نى ئوتتۇرىغا قويغاندا، يەنە بىر قېتىم رەت قىلىنغان. 1899-يىلى 6-ئايدا، پارلامېنت ئوتتۇرىغا قويغان ئىش تاشلىغانلارنى جازالاش قانۇن لايىھىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، «ستۇم يىللىرى» ئاخىرلاشقان. 

ستېپان رازىن

  • ستېپان رازىن[يەشمىسى:] «رازىن قوزغىلىڭى» غا قاراڭ.

ستېفان گېئورگىئۇ

  • ستېفان گېئورگىئۇ[يەشمىسى:] (Stefan Gheorghiu، 1879 — 1914) رومىنىيە سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئىشچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1906-يىلى 8-ئايدا رومىنىيە بىرىنچى قېتىملىق ئىشچىلار ئۇيۇشما ۋەكىللىرى يىغىنىغا قاتناشقان. ئىككىنچى يىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا مەدەت بەرگەنلىكى ۋە ئەسكەرلەر ئارىسىدا سوتسىيالىزمنى تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، يېرىم يىل قامالغان. 1910-يىلى رومىنىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قايتا قۇرغاندا، پارتىيە ئىچىدىكى ئىسلاھاتچىلىق كۆز قارىشىغا قارشى تۇرغان. 1912-يىلى پلوئېستى پرولېتارلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، «ئۇرۇشقا ئۇرۇش ئېلان قىلىش» خىتابنامىسىنى ئېلان قىلىپ، رومىنىيىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىغا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، يەنە قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە سولانغان. كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. شۇ يىلى رومىنىيە ترانسپورت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. 1913-يىلى برائىلا ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان. 

ستېفېن

  • ستېفېن[يەشمىسى:] (1)ستېفېن (Stephen، تەخمىنەن 1097 — 1154). ئەنگلىيە كورۇلى (1135 — 1154). فرانسىيىدە تۇغۇلغان. ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىⅠ(HenrL، 1068 — 1135) نىڭ جىيەنى. ياش ۋاقتىدىلا ئەنگلىيىگە كۆچۈپ بارغان.1135يىلى 12ئايدا ھېنرىⅠ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى بولمىغانلىقتىن، بىر قىسىم چوڭ ئاقسۆڭەكلەر ستېفېننى يۆلەپ تەختكە ۋارىسلىق قىلدۇرغان. ھېنرى Ⅰ نىڭ قىزى ماتىلدا (Matilda) شوتلاندىيە كورۇلى داۋىدⅠ(DaridⅠ، 1082 —1153) قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، ئەسكەر تارتىپ ئۇنىڭغا قارشى چىققان، ئىككى تەرەپ توختىماي قالايمىقان سوقۇشۇپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمەتسىزلىك ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان. ستېفېن 1154-يىلى 10-ئايدا ئۆلگەن، ماتىلدانىڭ ئوغلى، فرانسىيە ئانجو بەگلىكىنىڭ گرافى ھېنرى تەختكە چىقىپ، ئەنگلىيە كورۇلى بولغان، ئۇ ھېنرى Ⅱ دەپ ئاتالغان ۋە پلانتا گېنېتس سۇلالىسىنى قۇرغان. (2) ستېۋان (تۇنجى تاج كىيگۈچى) (Stevan،؟—1227). سېرۋىيىنىڭ چوڭ ژۇپانى (1196-يىلدىن باشلاپ) ۋە كورۇلى(1217—1227). ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، سېرۋىيە زالىم بەگلەر تەرىپىدىن بۆلۈشۈۋېلىنغان بولۇپ، ئىچكى جاڭجال ئۈزۈلمىگەن.ئۇ ئۆزىنىڭ ئورنىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن رىم ۋاتىكانى بىلەن يېقىنلاشقان ھەمدە 1217-يىلى پاپا ئىنئام قىلغان تاجغا ئېرىشىپ، پادىشاھ دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. كېيىن ئۆزگىرىپ پراۋوسلاۋىيە چېركاۋىغا تايانغان. 1219-يىلى بىنىسسىيىدە تۇرۇشلۇق كونستانتىنوپول ئارخېئېپىسكوپىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق، سېربىيىنىڭ مۇستەقىل پراۋوسلاۋىيە چېركاۋىنى قۇرغان. 

ستېفېنسون

  • ستېفېنسون[يەشمىسى:] (George Stephenson، 1781 — 1848)، ئەنگلىيىلىك كەشپىياتچى. 18 يېشىدا كۆمۈركاندا خىزمەت قىلىۋاتقان چېغىدا، كەچ كۇرستا ئوقۇش ئارقىلىق مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن. 1814-يىلى ھور ماشىنىسىنى كەشپ قىلغان، دەسلەپتە كۆمۈركاننىڭ كۆمۈر توشۇيدىغان ۋاگونلىرىنى سۆرەشكە ئىشلىتىلگەن، كېيىن مەملىكەت ئىچىدە قاتناشتا قوللىنىلغان. 1825-يىلى ئەنگلىيىدە ھور ماشىنىسى ئىشلىتىلىدىغان تۇنجى تۆمۈريول ياسىلىپ، قاتناش-ترانسپورت ئىشلىرىنى يېڭىلاپ، سانائەتنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سۈرگەن. 

ستېلىنگا قوزغىلىڭى

  • ستېلىنگا قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] مىلادى 841 — 843-يىللاردىكى ساكسېن دېھقانلىرىنىڭ فېئوداللاشتۇرۇشقا قارشى قوزغىلىڭى. Ⅸ ئەسىرنىڭ بېشىدا، ئىمپېراتور چارلېس ساكسونىيىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، فرانك فېئوداللىرى بىلەن يەرلىك فېئوداللارنىڭ ماك كوممۇنىسىنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلەپ، ئەركىن دېھقانلارنى ۋە باشقا ئاھالىلەرنى قۇل قىلىشى، قوزغىلاڭنىڭ پارتلىشىغا ئېلىپ بارغان. قوزغىلاڭچىلارنىڭ شوئارى قەدىمكى يېزا جامائەسى تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، «بۇرۇنقىغا ئوخشاش ياشاش» بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئەسىر يىلنامىچىلىرى قوزغىلاڭچىلارنى «ستېلىنگا» (Stellinga، مەنىسى «قەدىمكى قانۇننىڭ ئوغۇللىرى» دېگەن بولىدۇ، بۇ سۆز قەدىمكى ساكسېن تىلىدىكى — Stel قەدىمكى زامان، — ling ئوغۇل، ئەۋلادتىن كەلگەن) دەپ ئاتىغان. 843-يىلى ئەتىيازدا، ئىمپېراتور چارلېسنىڭ نەۋرىسى لۇئى (گېرمان) تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. 

ستېندال

  • ستېندال[يەشمىسى:] (Stendhal، 1783 — 1842) ئەسلى ئىسمى ھېنرى. مارىي بېيلى (Henri Marie Beyle) فرانسىيىنىڭ تەنقىدىي رېئالىزمچى يازغۇچىسى. گرېنوبل (Grenoble) دا ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىلا مەرىپەت ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلەنگەن، كېيىن يەنە ⅩⅧ ئەسىردىكى ماتېرىيالىزملىق پەيلاسوپلار ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغا ھېسداشلىق قىلغان، ناپولېئونغا چوقۇنغان. 1799-يىلى پارىژغا كېلىپ، ناپولېئون ئارمىيىسىگە كىرىپ، كۆپ قېتىم سىرتقى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، بىرىنچى ئىمپېرىيە خان جەمەتى سۇيۇرغاللىق يېرىنىڭ باش خوجىدارى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ۋالىيسى، خان جەمەتى جەبخانىسىنىڭ باش نازارەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1814-يىلى بوربون سۇلالىسى تىرىلگەندىن كېيىن، ئىتالىيىنىڭ مىلان دېگەن يېرىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئىتالىيىنىڭ كاربونارلار (ياغاچ كۆمۈر كۆيدۈرگۈچىلەر) پارتىيىسى بىلەن بېرىش-كېلىش قىلغان.1821-يىلى كاربونارلار پارتىيىسىنىڭ قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پارىژغا قايتىپ كېلىپ، تىرىلىشكە قارشى تۇرىدىغان ۋە ناپولېئوننى مەدھىيىلەيدىغان ئەسەرلەرنى يازغان. بۇنىڭ ئىچىدە «راسىن بىلەن شېكسپېر» ⅩⅨ ئەسىردىكى تەنقىدىي رېئالىزملىق ئەدەبىياتتىكى تۇنجى نەزەرىيىۋى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «قىزىل ۋە قارا» بولسا تەنقىدىي رېئالىزملىق ئەدەبىياتتىكى تۇنجى نادىر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. 1830 — 1842-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىتالىيىنىڭ تىرىيېست ۋە جىۋىتا ۋېجھىيا دېگەن جايلىرىدا كونسۇل بولۇپ، ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىزچىل يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. يەنە «پارمى موناستىرى»، «لۇسئېن لۋان»، «ناپولېئون ھەققىدە ئەسلىمە» ۋە «ناپولېئوننىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

ستېۋان دۇشان

  • ستېۋان دۇشان[يەشمىسى:] (Stevan Dusan ياكى Стеван Дущан،1309—1355). سېربىيىنىڭ كورۇلى (1331 — 1346)، ئىمپېراتورى (1346 — 1355). 1330-يىلى دادىسى ستېۋان ئۇروس Ⅲ بىلەن بىللە كيۇستېندىل (Kyustendil، ھازىرقى بۇلغارىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا) نىڭ يېنىدا بۇلغارىيە-ۋىزانتىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇلغارىيىنى بېقىندۇرغان. ئىككىنچى يىلى چوڭ فېئوداللارنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، تەختنى تارتىۋالغان. 1345-يىلى پۈتكۈل ئالبانىيىنى ۋە ماكېدونىيىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى (تېسسالونىكىدىن باشقا)بويسۇندۇرغان.1346-يىلى 4-ئايدا، سكوپلې (Skoplie) شەھىرىدە سېربىيىنىڭ ئارخېئېپسكوپى تەرىپىدىن تاج كىيدۈرۈلۈپ، «سېربىيىلىكلەر ۋە گرېتسىيىلىكلەرنىڭ ئىمپېراتورى» دەپ ئاتالغان. 1348-يىلى يەنە ئېپىرۇس، تېسسالى (Thessaly، گرېتسىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمىدا) لارنى ئىشغال قىلغان. كېيىن ۋېنگرىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق، ماكۋا (Macva) رايونى بىلەن بېلگراد شەھىرىنى قايتۇرۇۋالغان. دۇشان يەنە كونستانتىنوپول ۋە پۈتكۈل بالقان يېرىم ئارىلىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان.1349-يىلى «ستېۋان دۇشان قانۇنى» نى ئېلان قىلىپ، فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى قانۇن شەكلى ئارقىلىق قوغدىغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئىمپېرىيە پارچىلىنىپ كەتكەن. 

ستېۋان دۇشان قانۇنى

  • ستېۋان دۇشان قانۇنى[يەشمىسى:] سېربىيە كورۇلى ستېۋان دۇشان تەختتە تۇرغان مەزگىلدە تۈزۈلگەن قانۇن توپلىمى. 1349-يىلى دىنىي، دەھرىي ئاقسۆڭەكلەر قاتناشقان سكوپلې يىغىنىدا ماقۇللانغان؛1354-يىلى يەنە تولۇقلاپ تۈزۈلگەن. ئۇ سېربىيىدە ئادەتلەنگەن قانۇنلار خاتىرىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، يەنە رىم قانۇنلىرىنىڭ بەزى مەزمۇنلىرى قوبۇل قىلىنغان. بۇ قانۇندا فېئوداللارغا دۆلەتكە باج تاپشۇرۇشنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ خوجىلىق يېرىدە ئادەتتىكى دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىمتىيازى بېرىلگەن. دېھقانلارنى يەرگە چۈشەپ قويۇپ، قاچقانلارنىڭ تامغا بېسىشتەك دەھشەتلىك جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى؛ دېھقانلارنىڭ يېزىدا يىغىن ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئىككى قۇلىقى كېسىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. پراۋوسلاۋىيە چېركاۋى مۇھاپىزەت قىلىنغان، مەسىلەن: چېركاۋ فېئوداللىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ خوجىلىق يەرلىرىگە چېقىلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن، چېركاۋ سوتىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئېتىراپ قىلىنغان، ۋەھاكازالار. بۇ قانۇن ستېۋان دۇشان بويسۇندۇرغان كەڭ رايونلار— ماكېدونىيە، ئالبانىيە، ئېپىرۇس، تېسسالىي قاتارلىقلاردا يولغا قويۇلغان.

ستېۋان لازارېۋىچ

  • ستېۋان لازارېۋىچ[يەشمىسى:] (Stevan Lazarevic، 7241 - ?). سېربىيىنىڭ ھۆكۈمرانى (7241-9831).1389-يىلىدىكى كوسوۋو جېڭىدە ئۇنىڭ دادىسى لازار مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سېربىيە مۇستەقىللىكىنى يوقاتقان، لازارېۋىچ تۈركىيە سۇلتانىنىڭ بېقىندىسى سۈپىتىدە تەختتە ئولتۇرغان. 1402-يىلى تۈركىيە قوشۇنى ئەنقەرە جېڭىدە تىمور قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيە ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقان. لازارېۋىچ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ۋېنگرىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ مۇستەقىللىككە ئېرىشىشنى كۆزلىگەن ھەمدە بېلگرادنى ۋېنگرلارنىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋېلىپ، پايتەخت قىلغان (1404). كېيىن تۈركىيە سۇلتانى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشىلانغان. 

ستېۋان نېمانيا

  • ستېۋان نېمانيا[يەشمىسى:] (Stevan Nemanja، تەخمىنەن 1114 - 1200) سېربىيىنىڭ چوڭ ژۇپانى(1170- 1196)، نېمانيا سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. راسكا (Raska، ھازىرقى سېربىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا) ئۇنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى ئىدى. ئۇ باشقا ژۇپانلار بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق 1170-يىلى چوڭ ژۇپانلىق نامىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1185-يىلى بۇلغارىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئۇ بۇلغارىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، 1190-يىلى ۋېزانتىيىنى سېربىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە، فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى قوغداپ، بوگومىلچىلارنى شەپقەتسىز باستۇرغان. 1196-يىلى تەختنى ئوغلى ستېۋان نېمانياⅡ(Stevan NemanjaⅡ، 7221 - ?) غا بېرىپ، تەركىدۇنيا بولۇپ موناستىرغا كىرىۋالغان. 

ستېۋان ئۇروسⅢ

  • ستېۋان ئۇروسⅢ[يەشمىسى:] (Stevan Uros Ⅲ، تەخمىنەن 1285- 1331). سېربىيە كورۇلى (1321- 1331). تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە، چوڭ فېئوداللار بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، چېركاۋنىڭ قوللىشىغا ئىنتىلگەن. سىرتقا قارىتا، 1330-يىلى 7-ئايدا كيۇستېندىل (Kyustendil، ھازىرقى بۇلغارىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا) نىڭ يېنىدا بۇلغارىيە بىلەن ۋىزانتىيىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇلغارىيە كورۇلى مىخائىلنى ئۆلتۈرگەن. ئىككىنچى يىلى ئۆز ئوغلى ستېۋان دۇشان باشچىلىقىدىكى چوڭ فېئوداللار تەرىپىدىن تەختتىن چۈشۈرۈلگەن. 

ستېۋېنسون

  • ستېۋېنسون[يەشمىسى:] (Robert Louis Stevenson، 4981 - 0581) ئەنگلىيىلىك يازغۇچى، شائىر، يېڭى رومانتىزمچىلارنىڭ ۋەكىلى. شوتلاندىيىنىڭ ئېدىنبۇرگ دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. كىچىكىدىنلا تېنى ئاجىز، كېسەلچان بولۇپ، سىل كېسىلى بىلەن ئاغرىغان. ياش ۋاقتىدا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى ئۆگەنگەن، كېيىن قانۇن ئۆگىنىپ، ئادۋوكات سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، ئەمما ساياھەت قىلىش ۋە يېزىقچىلىققا قىزىققان. دەسلەپكى ئەسەرلىرىدە ساياھەت خاتىرىسى ئاساس قىلىنغان، مەسىلەن: «ئىچكىرىگە ساياھەت»، «ئېشەكلىك ساياھەت» قاتارلىقلار. كېيىنكى ئەسەرلىرىنىڭ تولىسىدا ئويدۇرما ئاجايىپ سەرگۈزەشتلەر ۋە تارىخىي تېما ئاساس قىلىنغان، مەسىلەن: «يېڭى مىڭ بىر كېچە»، «ئالتۇن-كۈمۈش ئارىلى»، «مۇجەسسەم دوكتور»، «باغلاش»، «قارا يا ئوقى» قاتارلىقلار. تەسەۋۋۇردىكى دۇنياغا ھەددىدىن ئارتۇق چۆمۈلگەنلىكى ئۈچۈن، ئەسەرلىرىنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ئاجىزلىشىپ كەتكەن. 1887-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغان. 1890-يىلىدىن كېيىن تىنچ ئوكياندىكى سامويا تاقىم ئاراللىرىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيىلەر سامويانى تالاشقان چاغدا، ئۇ سامويا خەلقىغە ھېسداشلىق قىلغان. 

ستېيىنبېك

  • ستېيىنبېك[يەشمىسى:] (John Ernst Steinbeck، 8691 - 2091). ئامېرىكىلىق يازغۇچى. كالىفورنىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا يېزىدا ئەمگەك قىلىپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ تۇرمۇشى بىلەن پىششىق تونۇشقان. شتامفورد داشۆسىدە ئوقۇغان. دەسلەپكى ئەسەرلىرىدىن «ئالتۇن قەدەھ»، «بېھىشتىكى چارۋىچىلىق فېرمىسى»، «نامسىز ئىلاھقا بېغىشلايمەن» قاتارلىقلار ئەدەبىيات ئوبزورچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «غەزەپلەنگەن ئۈزۈم» دە ۋەيران بولغان دېھقاننىڭ قەھەتچىلىك دەستىدىن پاناھ ئىزلەپ چىقىپ كەتكەن تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ئامېرىكا دېھقانلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ۋە كۈرەش روھىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 40-يىللاردا «ئاي پاتتى» قاتارلىق فاشىزمغا قارشى ئەسەرلەرنى يازغان. كېيىنكى ئەسەرلىرىدىن «پېپىن Ⅳ نىڭ ئۆمرى قىسقا سۇلالىسى»، «بىز نارازى بولغان قىش» تا ئۈمىدسىزلىك ۋە رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش كەيپىياتى بار. 1962-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

ستېيىن ئىسلاھاتى

  • ستېيىن ئىسلاھاتى[يەشمىسى:] پرۇسسىيە باش ۋەزىرى ستېيىن ئېلىپ بارغان بۇرژۇئازىيە لىبېرالىستىك ئىسلاھاتى. 1807-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنى «يەر ئىگىلەشنىڭ شەرت چەكلىمىسىنى كەڭ قويۇۋېتىش ۋە يەر مۈلكىنى ئەركىن ئىشلىتىش ھەمدە يېزا ئاھالىسىنىڭ جىسمانىي مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى پەرمان» (تارىختا «ئۆكتەبر پەرمانى» دەپ ئاتالغان) نى چىقىرىپ، دېھقانلارغا جىسمانىي ئەركىنلىك ۋە ئولتۇراقلىشىش ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى بېرىپ، يانچىلارنىڭ جىسمانىي بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغان. 1808-يىل 11-ئاينىڭ 19-كۈنى «پرۇسسىيە پادىشاھلىقىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ نىزامى» تۈزۈلۈپ، ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى ۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ سايلام ھوقۇقى بەلگىلەنگەن. شۇ يىلى يەنە «دۆلەتنىڭ ئالىي مەمۇرىي باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى ياخشىلاش نىزامى» يولغا قويۇلۇپ، مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىڭ ئالىي مەمۇرىي رەھبەرلىك ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقى بەلگىلەنگەن ھەمدە ھەر خىل مەخسۇس باشقۇرۇش تارماقلىرى تەسىس قىلىنىپ، دۆلەت ئىشلىرى بىر تەرەپ قىلىنغان، كېيىن يەنە ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش كومىتېتى تەسىس قىلىنىپ، پرۇسسىيە ئارمىيىسى قايتىدىن تەشكىللەنگەن. بۇ ئىسلاھاتلار پرۇسسىيىنىڭ بيۇروكراتلىق تۈزۈمى ۋە يونكىر ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازلىق ئورنىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەپ، پرۇسسىيىدە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا مۇئەييەن ئىلگىرى سۈرۈش تەسىرىنى كۆرسەتكەن. ئەمما ئۇزۇنغا قالماي، ستېيىن يونكىر پومېشچىكلارنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە ناپولېئوننىڭ بېسىمى ئاستىدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئىسلاھات ئۈزۈلۈپ قالغان. 

ستىرنېر

  • ستىرنېر[يەشمىسى:] (Max Stirner، 6581 - 6081) ئەسلى ئىسمى كاسپار سىمېت (Kaspar Schmidt). گېرمانىيىنىڭ ئىدېئالىستىك پەيلاسوپى، سىياسىي ئوبزورچىسى، ياش گېگېلچىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئانارخىزمنىڭ پېشۋاسى. دەسلەپكى يىللىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. بېرلىن ياش گېگېلچىلار تەشكىلاتىنىڭ «ئەركىن كىشى» لىرى ئىچىدىكى مۇھىم شەخس. فېئودال مۇستەبىت تۈزۈم ۋە دىننىڭ ساختىلىقىنى پاش قىلغان ۋە تەنقىد قىلغان. پەلسەپىۋى ئىدىيە جەھەتتە، تىپىك سوفىست بولۇپ، ماددىي دۇنيا بىلەن مەنىۋى دۇنيادىن ئۈستۈن تۇرىدىغان «بىردىنبىر»، «مەن» («مېنىڭ ئېڭىم») لا يېگانە مەۋجۇت بولۇپ، ھەممىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ؛ دۆلەت، ئەخلاق، مال-دۇنيا، دىن ۋە پۈتكۈل دۇنيا ھەمدە تارىخنىڭ ھەممىسى «مەن» نىڭ مەھسۇلى دەپ قارىغان، شۇڭا ھەممە «مەن» گە مەنسۇپ بولۇشى كېرەك دەپ داۋراڭ سالغان. شۇڭا ئۇ چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىكنى تەرغىپ قىلىپ، ئۆز مەنپەئىتىنى ۋە شەخسنىڭ مۇتلەق ئەركىنلىكىنىلا ئېتىراپ قىلغان، شەخسكە قارىتىلغان ھەرقانداق چەكلىمىگە قارشى تۇرۇپ، كوممۇنىزمغا كۈچىنىڭ بارىچە ھۇجۇم قىلغان. ماركس، ئېنگېلس ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ «بىردىنبىر نەرسە ۋە باشقا بارلىق شەيئىلەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

سچۇئېروس

  • سچۇئېروس[يەشمىسى:] (David Alfaro Siqueiros، 4791 - 6981) مېكسىكا تام رەسىملىرى ئۇستىسى، كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىرىدىن بىرى. مېكسىكىنىڭ ھازىرقى زامان تام رەسسامچىلىقىغا ئاساس سالغۇچى، مېكسىكا تام رەسسامچىلىقىدا ئۈچ مەشھۇر كىشىنىڭ بىرى. دەسلىپىدە مېكسىكا شەھىرىدىكى سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان.1291-0191-يىللىرىدىكى مېكسىكا بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1919- 1921-يىللىرى ياۋروپادا گۈزەل سەنئەت ئۆگەنگەن. 1922-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، تام رەسسامچىلىقى سەنئىتىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە دۆلەتلىك تەييارلىق مەكتىپىدە تام رەسىم ئىجادىيىتىنى باشلىغان. 0391 - 5291-يىللىرى ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىرلىككە كەلگەن ئىشچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش سېكرىتارى ۋە مېكسىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1932-يىلدىن كېيىن ئامېرىكا، ئارگېنتىنا قاتارلىق دۆلەتلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، 1934-يىلى فاشىزمغا ۋە ئۇرۇشقا قارشى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى بولغان. 1937- يىلى ئىسپانىيە خەلق ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ كولوننا قوماندانى بولغان. 50-يىللاردا مېكسىكا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق جامائەت قۇرۇلۇشلىرىدا تام رەسسامچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. 1960-يىلى 8-ئايدا نامايىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان.1964-يىلى 7-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. 1969-يىلى خەلقئارا تىنچلىقنى كۈچەيتىش ئىشلىرى بويىچە لېنىن خەلقئارالىق مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان.1971-يىلى 7-ئايدا «پارتىيىنىڭ لۇشيەنى» گە قارشى تۇرغانلىقتىن مېكسىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ «فاشىستلىشىش جەريانى»، «يېڭى دېموكراتىيە» ۋە «ئىنسانىيەت ئىلگىرىلىمەكتە» دېگەن مۇھىم ئەسەرلىرى بار. 

سراۋاستى

  • سراۋاستى[يەشمىسى:] (Sravasti) قەدىمكى ھىندىستاندىكى كوسالا (Kosala) دۆلىتى (گانگ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ شىمالىي قىسمى) نىڭ پايتەختى. بۇددا دىنى گۈللەنگەن دەۋرىدىكى سەككىز چوڭ شەھەرنىڭ بىرى. شەھەرنىڭ جەنۇبىدا جېتاۋانا-ۋىخارا بولۇپ، دەسلەپكى بۇددىزم پائالىيىتىنىڭ مەركىزىي رايونلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي جىن سۇلالىسىدىن فاشيەن ھىندىستاننى ساياھەت قىلىپ بۇ جايغا بارغاندا، «شەھەر ئاھالىسى شالاڭ» بولۇپ، بۇ شەھەر بۇرۇنقى مۇھىملىقىنى يوقاتقان. 

سسۇتىيە پادىشاھلىقى

  • سسۇتىيە پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] «سكىتاي پادىشاھلىقى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى قەدىمكى دۆلەت«سكىتايلار» گە قارالسۇن. 

سفىنكس

  • سفىنكس[يەشمىسى:] شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل. قەدىمكى زاماندىكى بىر خىل غايەت زور تاش ھەيكەل بولۇپ، ئادەتتە شىر تەنلىك ياكى ھايۋان تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك قىلىپ ياسالغان. ئەڭ داڭلىق سفىنكس قەدىمكى مىسىرنىڭ تۆتىنچى سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋىنى ھافرا قاھىرە ئەتراپىدىكى گىزا (Giza) دېگەن جايدا ئۆز ئىھرامىنىڭ يېنىغا ياساتقان سفىنكس بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 20 مېتر، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 57 مېتر كېلىدۇ. بۇ سفىنكس بىر پارچە غايەت زور قورام تاشتىن ئويۇپ ياسالغان، ئېيتىلىشىچە يۈزى ھافرانىڭ يۈزىگە تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، فىرئەۋىنلەرنىڭ سۈرلۈكلۈكىنىڭ سىمۋولى ئىكەن. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ناپولېئون يىراققا يۈرۈش قىلىپ مىسىرغا بېسىپ كىرگەندە، بۇ سفىنكسقا فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ زەمبىرەك ئوقى تېگىپ كېتىپ، يۈز قىسمى زەخىملەنگەن. قەدىمكى ئاسسۇرىيە ۋە فىنكىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ سىفىنكسلار بولۇپ، تولىسى مىسىرنىڭكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان. ھازىر «سفىنكس» دېگەن سۆز كۆپىنچە ئىمارەتلەر ياكى ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى بېزەيدىغان ھەر خىل ئادەم باشلىق، كالا باشلىق، قوي باشلىق ھايۋان تەنلىك نەقىشلەرنى كۆرسىتىدۇ. 

سكازكىن

  • سكازكىن[يەشمىسى:] (Сергей Данилович Сказкин، 3791 - 1981). سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخشۇناسى. 1915-يىلى موسكۋا داشۆسىنى پۈتتۈرۈپ، 1920-يىلدىن باشلاپ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1935-يىلى پروفېسسور بولغان. 1958-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلانغان. كېيىن ئۇزۇن مۇددەت ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنىڭ مەلۇماتى چوڭقۇر، قىزىقىشى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، غەربىي ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى يەر مۇناسىۋىتى، غەربىي ياۋروپانىڭ ⅩⅦ - ⅩⅥ ئەسىرلەردىكى دېھقانلار تارىخى (بولۇپمۇ فرانسىيىنىڭ دېھقانلار تارىخى) ۋە بىدئەتچىلەر ھەرىكىتى، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تەتقىق قىلغان، ياۋروپانىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدىكى بەزى زور مەسىلىلەرنىمۇ مۇھاكىمە قىلغان. داشۆلەرنىڭ بىر يۈرۈش ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىي دەرسلىكىنى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان ھەمدە كۆپ توملۇق «دۇنيا ئومۇمىي تارىخى»، «دىپلوماتىيە تارىخى» ۋە «فرانسىيە تارىخى» نى تۈزۈشكە قاتناشقان. «غەربىي ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر دېھقانلار تارىخى پروگراممىسى»، «روسىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرلىشىشى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

سكامارلار ھەرىكىتى

  • سكامارلار ھەرىكىتى[يەشمىسى:] مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىدە يۈز بەرگەن قۇللار، قۇل دېھقانلار ۋە ۋەيران بولغان قول سانائەتچىلەرنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتى. قۇلدارلار ئۇنىڭغا قاتناشقانلارنى كەمسىتىپ «سكامار» (كېيىنكى مەزگىللىك لاتىنچە Scamares تىن كېلىپ چىققان بولۇپ، مەنىسى «قاراقچى» دېگەنلىك بولىدۇ) لار دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ ھەرىكەت نورىكۇم (Noricum، دۇناي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىم جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان، ھازىر ئاۋسترىيە چېگرىسىنىڭ ئىچىدە) ۋە پاننونىيىلەردە پارتلىغان. كېيىن ئىللىرىيە (Illyria) ۋە تېسسالى قاتارلىق جايلارغا كېڭىيىپ، ھەيۋىتى زور بولغان. «سكامار» لار قۇلدارلارنىڭ قورۇقلىرىنى ۋەيران قىلغان، يامان ئىشلارنى كۆپ قىلغان قۇلدارلارنى ئۆلتۈرگەن، بەزىدە شەھەرلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلغان. 505-يىلى موندو ھەرىكەتنىڭ داھىيسى قىلىپ سايلانغان. ئۇلار مارگ دەرياسى (Margus، ھازىرقى ئىسمى موراۋا دەرياسى Morava —) جېڭىدە ۋېزانتىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. ئىمپېراتور جۇستىنئانۇس تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (565 - 725)، بۇ ھەرىكەت تېسسالىنى قاپلىغان. كېيىن ئاجىزلىشىپ كەتكەن. 

سكاندىناۋىيە مەسلىكى

  • سكاندىناۋىيە مەسلىكى[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىردە سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىدە كەڭ تارقالغان بۇرژۇئازىيە پىكىر ئېقىمى ۋە ھەرىكىتى. بۇ خىل پىكىر ئېقىمىنى ئارخېئولوگىيە ۋە تىلشۇناسلىقتىكى كەشپىياتلار، ناپولېئون ئۇرۇشىدىن كېيىن شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە فان گېرمانىزم، فان سلاۋىيانىزمغا قارشى كۈرەش ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بولۇپ، مۇشۇ رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتلىرىدە بىرلىشىشىنى تەرغىپ قىلغان. بۇرژۇئازىيە ۋە ستۇدېنتلار بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي كۈچى بولغان. بۇ ھەرىكەت دەسلەپ ئېكسپورتنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلىدىغان دانىيىدە قوزغالغان، كېيىن پۈتكۈل سكاندىناۋىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغان شۋېتسىيىگە تارقالغان. شۋېتسىيە بىلەن نورۋېگىيە شلېسۋىگ ئۇرۇشى (Schleswig، 0581 - 8481) دا دانىيىگە پىدائىيلارنى يەتكۈزۈپ بەرگەندە، بۇ ھەرىكەت ئەڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. بىراق شۋېتسىيە كورۇلى ئوسكار Ⅰ 1857-يىلى دانىيە كورۇلى فرېدرىكⅦ(FredrikⅦ) گە مۇداپىئە ئىتتىپاقى قۇرۇش تەكلىپىنى قويغاندا، رەت قىلىشقا ئۇچرىغان.دانىيە 1864-يىلدىكى ئۇرۇشتا ياردەمگە ئىگە بولالمىغاندىن كېيىن، سىياسىي جەھەتتە بىرلىشىش ئەمەلگە ئاشماي، ھەرىكەت تۇرغۇنلۇققا يۈزلەنگەن؛ ئەمما مەدەنىيەت جەھەتتە، بۇ رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىلى ئۆزئارا ئوخشىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىشىشنىڭ ئۇلى قۇرۇلغان. 

سكانې ئۇرۇشى

  • سكانې ئۇرۇشى[يەشمىسى:] سكانىيە ئۇرۇشى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان ياكى دانىيە-شۋېتسىيە ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتالغان. 1658-يىلى دانىيە سكانې (Skane) قاتارلىق ئۆلكىلەرنى شۋېتسىيىگە بۆلۈپ بەرگەن.1675-يىلى كرىستىيان Ⅴ بۇ زېمىننى قايتۇرۇۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. شۇ يىلى شۋېتسىيە قوشۇنى ۋىسمار (Wismar) نى ئىشغال قىلغان، ياندۇرقى يىلى يەنە گوتلاند (Gotland) نى بېسىۋالغان. 1677-يىلى دانىيە دېڭىز ئارمىيىسى گوللاندىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، كگېبۇگت (Kogebugt) جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، مالمو (Malmo) دىن باشقا پۈتكۈل سكانې رايونىنى ئىشغال قىلغان. ئەمما 1676-يىل 12-ئاينىڭ 4-كۈنى، شۋېتسىيە كورۇلى كارل Ⅺ لۇند (Lund) دا دانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى يەڭگەن. 1677-يىلى لانگسلونادا دانىيىلىكلەرنى يەنە مەغلۇپ قىلغان. شۋېتسىيىنىڭ كۈچلۈك ئىتتىپاقدىشى فرانسىيىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، دانىيە 1679-يىلى لۇندتا سۈلھ تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ، سكانې يەنىلا شۋېتسىيىنىڭ ئىلكىدە قالغان. 

سكريابىن

  • سكريابىن[يەشمىسى:] (Александр Николаевич Скрябин، 5191 - 2781). روسىيىلىك كومپوزىتور، رويالچى. موسكۋا مۇزىكا شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن ھەمدە بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.9091 - 4091 يىللاردا چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، مەخسۇس ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.1910-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن. دەسلەپكى ئىجادىيىتى شوپىننىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. ئۇنىڭ رويال تەڭكەش قىلىنغان مۇزىكىلىرى، ئوركىستېر مۇزىكىلىرى، ۋە باشلىنىش مۇزىكىلىرى، ئاھاڭلىق شېئىرلىرى قاتارلىقلار رومانتىك پۇراققا تولغان. 1900-يىلدىن باشلاپ ئاساسەن سىمفونىيە مۇزىكىلىرىنى ئىجاد قىلغان، ئۇ — «مۇقەددەس داستان» قاتارلىق ئۈچ سىمفونىيىسىدە، ئۆزىنىڭ 1905-يىل ئىنقىلابى يېقىنلىشىش ئالدىدا بىر مەھەل ئۇرغۇپ چىققان ھاياجانلىق قەلبىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 1903-يىلدىن باشلاپ ئىدېئالىستىك پەلسەپىگە بېرىلىپ كېتىپ، ئىجادىيىتى كۈنسايىن سىرلىقلاشتۇرمىچىلىق، مەنچىلىككە قاراپ يۈزلەنگەن. شۇ يىلى ئۇ سىرلىق ئاھاڭ تېزمىسى ۋە ئاۋاز سىستېمىسىنى ئىجاد قىلىپ، ئۆزگىرىشچان ئاھاڭلارنى كۆپلەپ قوللانغان. كېيىنكى مەزگىللىك ئىجادىيىتىدە ئۇ ئىدېئالىستىك پەلسەپە قائىدىلىرىنى مۇزىكا ئارقىلىق ئىپادىلەشكە تېخىمۇ قىزىقىپ كەتكەن ھەمدە باشقا سەنئەت تۈرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سىرلىقلاشتۇرمىچىلىق پەلسەپە ئىدىيىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنغان، مەسىلەن: نەيلىك-تارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن ئورۇندىلىنىدىغان مۇزىكا «جەننەت ناخشىسى»، سىمفونىيىلىك داستان «پرومېتې»، «ئوت ناخشىسى» ۋە ئەڭ ئاخىرقى بەش پارچە (ئالتىنچىدىن ئونىنچىغىچە) رويال بىلەن ئورۇنلىنىدىغان ئوركىستېر مۇزىكىسى قاتارلىقلار. بۇنداق ئىجادىيەت ستولپىننىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە چارروسىيىدىكى زىيالىيلار ئارىسىدا يامرىغان ئەكسىيەتچىل ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمى بىلەن زىچ باغلانغان. 

سكليانسكىي

  • سكليانسكىي[يەشمىسى:] (Эфраим Марвович Склянский، 5291 - 2981). سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئەربابى. مىشچانلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1913-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى (بولشېۋىكلەر) گە قاتناشقان. 1916-يىلى كىيېۋ داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ھەربىي سەپكە كىرىپ، ھەربىي دوختۇر بولغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، دەسلەپتە دېۋېنسىك پارتكومىنىڭ ئەزاسى بولغان، كېيىن پېتېرۇگراد ھەربىي ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۆكتەبر ئىنقىلابىغا ئاكتىپ قاتناشقان. 8191 - 7191-يىللاردا دېڭىز ئارمىيە مۇئاۋىن خەلق كومىسسارى بولغان. 1918-يىلى 3-ئايدا روسىيە ئىتتىپاقى ئالىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. شۇ يىلى 10-ئايدا ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن رېسپوبلىكىلار ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىغا مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ، تروتىسكى بىلەن بىللە ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرغان. 1924-يىلى ئالىي خەلق ئىگىلىكى كومىتېتىغا يۆتكىلىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن، مۇشۇ جەرياندا خىزمەت بىلەن ئامېرىكىغا بېرىپ، سۇغا چۆكۈپ ئۆلگەن. 

سكوۋورودا

  • سكوۋورودا[يەشمىسى:] (Григорий Саввич Сковорода، 4971 - 2271). ئۇكرائىنانىڭ مەرىپەتچى مۇتەپەككۇرى ۋە شائىرى. ئاددىي كازاك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كىيېۋتا ئوقۇغان ھەمدە چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلغان، كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئىلغار كۆز قاراشلارنى تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. يانچىلىق تۈزۈمىگە كۈچىنىڭ بارىچە قارشى تۇرۇپ، چېركاۋنىڭ مەدرىس پەلسەپىسىنى سۆكۈپ، راھىبلار بىلەن بايلارنىڭ پارازىتلىقىنى ئېچىپ تاشلىغان. ئۇنىڭ پەلسەپىدىكى تۈپ مەسىلىگە بولغان كۆز قارىشى ئىدېئالىزمچە بولۇپ، روھنىڭ مەنبەسى بىرلەمچىدۇر، دەپ قارىغان؛ ئەمما دۇنيا قارىشىدا ماتېرىيالىستىك تەركىبلەرمۇ بولۇپ، ماددا زاماندا مەڭگۈلۈكتۇر، ماكاندا چەكسىزدۇر، دەپ قارىغان. ئاساسىي ئەسەرلىرى «نارسۇشۇس»، «روھىي دۇنيا ھەققىدىكى دوستانە سۆھبەت» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. شېئىرلىرىنىڭ تولىسى «ئاجايىپ شېئىرلار باغچىسى» دېگەن شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. 

سكۇپىشتنا قەتل قىلىش دېلوسى

  • سكۇپىشتنا قەتل قىلىش دېلوسى[يەشمىسى:] 1928-يىلى 6-ئايدىكى يۇگوسلاۋىيە خورۋات دېھقانلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى رادىچنى قەتل قىلىش ۋەقەسى. يۇگوسلاۋىيىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان سېربىيە «رادىكاللار پارتىيىسى» ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى مىللىي پارتىيىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى 1926-يىلىدىن باشلاپلا ئېغىر دەرىجىدە يامانلىشىشقا يۈزلەنگەن. سكوپىشتنا(Skupstina، «پارلامېنت» دېگەن مەنىدە) 1928-يىل 6-ئاينىڭ 20-كۈنى مەجلىس ئاچقاندا، ئۇنىڭ كرودىيە دېھقانلار پارتىيىسىدىن بولغان ئەزاسى ھەمدە بۇ پارتىيىنىڭ داھىيسى رادىچ ھۆكۈمەتنىڭ 1924 ۋە 1925-يىللىرى ئىتالىيە بىلەن ئىمزالىغان خورۋاتلار مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان شەرتنامىنى سۆككەن، رادىكاللار پارتىيىسىدىن بولغان بىر نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ھۆكۈمەتنى ئاقلاپ سۆزلىگەن، ئارقىدىنلا رادىچقا ئوق چىقىرىپ، خورۋات دېھقانلار پارتىيىسىدىن بولغان ئىككى نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، رادىچ ئېغىر يارىلىنىپ ساقىيالماي ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ۋەقە پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتكە سەۋەبچى بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى مىللىي زىددىيەت كۈنسايىن چوڭقۇرلاشقان. 

سكىپىئو

  • سكىپىئو[يەشمىسى:] قەدىمكى رىمدىكى مەشھۇر ئاقسۆڭەك. جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە كۆپلەپ مەشھۇر سەركەردىلەر مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، دائىم تىلغا ئېلىنىدىغىنى ئىككى كىشى. (1) چوڭ سكىپىئو (Publius Gornelius Scipio Afri Canus، مىلادىدىن ئىلگىرى 236 — 184). قەدىمكى رىم قوماندانى. ياش ۋاقتىدا كانناي ئۇرۇشى (مىلادىدىن 216يىل ئىلگىرى) غا قاتنىشىپ، بەختكە يارىشا ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان. مىلادىدىن 209 يىل ئىلگىرى قوشۇن باشلاپ، ئىسپانىيىگە بېسىپ كىرىپ، يېڭى كارفاگېننى ئىشغال قىلغان؛ ئۇنىڭدىن كېيىن گاننىبالنىڭ ئىنىسى گاسدرۇبالنىڭ ئىتالىيىگە ئەۋەتكەن ياردەمچى قوشۇنىنى يەڭگەن. مىلادىدىن 205 يىل ئىلگىرى كونسۇللۇققا تەيىنلىنىپ، ئىككىنچى يىلى كارفاگېن زېمىنى (ھازىرقى تۇنىس) غا ھۇجۇم قىلغان. مىلادىدىن 202 يىل ئىلگىرى زاما ئۇرۇشىدا گاننىبالنى يېڭىپ، ئىككىنچى يىلى ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ «ئافرىكانۇس سكىپىئو» دېگەن نامغا ئىگە بولغان. كېيىن نازارەتچى ئەمەلدار (مىلادىدىن 199 يىل ئىلگىرى) بولغان، قايتىدىن كونسۇل (مىلادىدىن 194 يىل ئىلگىرى) بولغان. مىلادىدىن 190 يىل ئىلگىرى ماگېنسىيە ئۇرۇشى (ئوتتۇرا ئاسىيادا)غا قاتنىشىپ، سېلېئۇكوس (Seleukos، سۈرىيە) پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ئانتىئوكۇس Ⅲ نى مەغلۇپ قىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كامپانىيىنىڭ لىتېرنۇم (Liternum) دېگەن يېرىگە قايتىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. (2) كىچىك سكىپىئو (publius Gornelius Scipio Aemilianus Africanus، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 185 — 129). قەدىمكى رىم قوماندانى، چوڭ سكىپىئونىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ بېقىۋالغان بالىسى. ياش ۋاقتىدا پىدنا ئۇرۇشى (مىلادىدىن 168 يىل ئىلگىرى) غا قاتناشقان ھەمدە ئىسپانىيىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلغان. مىلادىدىن 147 يىل ئىلگىرى كونسۇل بولۇپ، شىمالىي ئافرىقىغا لەشكەر تارتىپ كىرگەن، ئىككىنچى يىلى كارفاگېن شەھىرىنى ئېلىپ، ئۈچىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، «ئافرىكانۇس سكىپىئو» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. كېيىن نازارەتچى ئەمەلدار (مىلادىدىن 142 يىل ئىلگىرى)، قايتىدىن كونسۇل (مىلادىدىن 134 يىل ئىلگىرى) بولغان. مىلادىدىن 133 يىل ئىلگىرى، ئۇزاق ۋاقىت قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق نۇمانتىيە (Numantia) نى ئىشغال قىلغان، ئىسپانىيىنىڭ چوڭ يېرىمىنى بويسۇندۇرغان، رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەشھۇر ناتىقى تىبېرىئوگراككۇنىڭ (Tiberius Sempronius Gracchus) يەر قانۇنىغا قارشى تۇرغۇچى. يۇنان ئەدەبىيات-سەنئىتىگە قىزىققان، يۇنان ئالىملىرى ۋە ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلىرىنى ھامىيلىقىغا ئالغان. تارىخشۇناس پولىبىئۇسنى ئۇستاز تۇتقان. 

سكىتاي پادىشاھلىقى

  • سكىتاي پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى قەدىمكى دۆلەت. «سكىتايلار» غا قاراڭ. 

سكىتايلار

  • سكىتايلار[يەشمىسى:] (Skythai، Scythians) قەدىمكى زاماندا قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى جايلاردا ياشىغان ئاھالە. ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسى ئىران تىل تۈركۈمىنىڭ بىر تارمىقىغا كىرىدۇ. ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىدا ياشىغان كۆچمەن قەبىلە بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردە سارماتلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ، غەربكە كۆچۈپ قارا دېڭىزنىڭ شىمالىغا كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى داۋاملىق غەربكە كۆچۈپ، دوناي دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا، يەنى ھازىرقى رومىنىيە ۋە ۋېنگرىيە رايونىغا بارغان. بىر قىسمى جەنۇبقا كۆچۈپ، كاپكاز تاغ تىزمىسىدىن ئۆتۈپ، كىچىك ئاسىياغا ۋە ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي شىمالىغا بارغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مېدىيە بىلەن بىرلىشىپ ئاسسۇرىيە ۋە ئۇرارتۇغا قارشى تۇرغان؛ كېيىن مېدىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، سۈرىيە بىلەن پەلەستىنگە بېسىپ كىرگەن. كېيىن مېدىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى جايلارغا قايتىپ كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە پىرسىيە پادىشاھى دارسۇس Ⅰ بۇ يەرگە يۈرۈش قىلىپ، مەغلۇپ بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردىن Ⅳ ئەسىرگىچە، قۇدرەتلىك قەبىلە ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە قىرىمنى مەركەز قىلىپ، «سكىتاي پادىشاھلىقى» نى قۇرغان، ئۇنىڭ زېمىنى دون دەرياسىدىن دوناي دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغىچە بولغان كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يۇناننىڭ ھەرقايسى مۇستەملىكە شەھەرلىرى بىلەن باردى-كەلدىسى قويۇق بولغان. كېيىن سارماتىيىلىكلەرنىڭ بېسىپ كىرىپ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇشى ئارقىسىدا، كۈچى ئاجىزلاشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە يېڭىباشتىن گۈللىنىپ، خېرسونېسوس، ئولۋىيە قاتارلىق يۇناننىڭ مۇستەملىكە شەھەرلىرى بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ پادىشاھلىق دۆلەت بارا-بارا ئاجىزلىشىپ ئاخىرى تەخمىنەن، مىلادى Ⅲ ئەسىردە گوتلار تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان. سكىتايلار ئۇزاق مۇددەت كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشىغان، دېھقانچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان، قەدىمكى زاماندا ئۇلار قەيسەرلىكى، چەۋەندازلىقى ۋە نەپىس ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساشقا ئۇستا ئىكەنلىكى بىلەن داڭق چىقارغان. 

سگوت

  • سگوت[يەشمىسى:] (Walter Scott، 2381 - 1771) ئەنگلىيىلىك شائىر، تارىخ يازغۇچى. شوتلاندىيىلىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا دادىسىدىن قانۇن ئۆگىنىپ، ئادۋوكات بولغان. 1800-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. دەسلەپتە يازغان داستان «مارمىئون»، «كۆل ئۈستىدىكى خانىم» قاتارلىقلار شوتلاندىيە ۋە ئەنگلىيە تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، رومانتىزم تۈسىنى ئالغان. 1814-يىلدىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن بەزى تارىخىي رومانلارنى ئېلان قىلغان. بۇ رومانلارنىڭ ۋەقەلىكى كەڭ بولۇپ، ئۇلار ئەھلىسەلىپىنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشى، ئەنگلىيىنىڭ ⅩⅦ ئەسىردىكى ئىنقىلابى ۋە ⅩⅧ ئەسىردە فرانسىيە قاتارلىق جايلاردا بولغان تارىخىي ۋەقەلىكلەرگەچېتىلغان.«ئۇئېۋېرلى»، «روب روي»، «گەيمېننېل» (Гаймзннал) قاتارلىقلاردا ئاساسەن شوتلاندىيە خەلقىنىڭ ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ «ئايۋېنگو» (كونا تەرجىمىسى «ساكسۇنىيە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغاندىن كېيىنكى قەھرىمانلار ھەققىدە»)دە ساكسۇنىيە دېھقانلىرىنىڭ نورمان (Norman) «فېئوداللىرىغا قارشى كۈرىشى تەسۋىرلەنگەن، «خان جەمەتىنىڭ ئوۋچىلار سارىيى» دا پۇرىتانلار (Puritans) بىلەن مۇنارخىستلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ «كۋېنتىن دورۋارد»، «ئەھلىسەلىپنىڭ قەھرىمانلىقى توغرىسىدا» قاتارلىقلاردا فرانسىيە ۋە ياۋروپادىكى تارىخىي ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەن. بۇ ئەسەرلەر ياۋروپا تارىخىي رومانلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان. 

سگوت دېلوسى

  • سگوت دېلوسى[يەشمىسى:] ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالىي سوتىنىڭ نېگىر قۇل درېد سگوت (Dred Scott، 8581 - 5971) نىڭ ئەركىن پۇقرالىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئەرزى توغرىسىدىكى ھۆكۈم دېلوسى. سگوت ئەسلىدە مىسسۇرى شتاتىدىكى بىر ھەربىي دوختۇرنىڭ قۇلى بولۇپ، خوجايىنى بىلەن بىللە بىرنەچچە يىل ئەركىن شتاتتا تۇرۇپ، كېيىن ئەسلى ماكانىغا قايتىپ كەتكەن، ئۇزاق ئۆتمەي ھەربىي دوختۇر كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ شتاتلىق سوتقا ئەركىن پۇقرالىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنغان. بۇ ئەرز ھەل بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە، ئۇ يەنە بىر قۇلدارغا قۇل قىلىپ سېتىۋېتىلگەن. سگوت فېدېراتسىيە ئالىي سوتىغا ئەرز سۇنغان. 1857-يىل 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئالىي سوت ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىپ: قۇل — خوجايىننىڭ مۇقەددەس مۈلكى، ئۇنى مەڭگۈ تارتىۋېلىشقا بولمايدۇ، دەپ جاكارلىغان. بۇ ھۆكۈم قۇللۇق تۈزۈمنىڭ مەملىكەت بويىچە قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى كۈرەشنى كەسكىنلەشتۈرگەن. 

سگۇردىسسون

  • سگۇردىسسون[يەشمىسى:] (Jon Sigurdsson، 9781 - 1181) ئىسلاندىيىلىك ئالىم، پارلامېنت باشلىقى (7581-9481، 1865- 1879) 1830-يىلى ئىسلاندىيە ئېپىسكوپى جونسون (Steingrimir Jonsson) نىڭ كاتىپى بولغان. 1841-يىلى «يېڭى جەمئىيەت» ژۇرنىلىنى تەھرىرلەپ، دانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. 1844-يىلدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. پارلامېنت باشلىقى بولغاندا دانىيىنى ئىسلاندىيىگە بولغان سودا مونوپولىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغان. 1851-يىلى ئىسلاندىيە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. «ئىسلاندىيە تارىخى»، «ئىسلاندىيە ھۈججەتلىرى»، «ئىسلاندىيە قانۇنلىرى توپلىمى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

سلابھادرا

  • سلابھادرا[يەشمىسى:] (Silabhadra، تەخمىنەن Ⅶ—Ⅵئەسىر) قەدىمكى ھىندىستان ماھايانا بۇددا دىنىي يوگاسارا (Yogacara) مەزھىپىنىڭ ئۇستازى. خان جەمەتىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بىراخمانلار تائىپەسىدىن. كېيىن ماگادخا دۆلىتىدىكى نالاندا ئىبادەتخانىسىدا راھىب بولۇپ، دارماپالاغا شاگىرت بولغان. جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كاتتا راھىب شۇەنزاڭ ئۇنىڭدىن بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇددىزم قائىدە-يوسۇنلىرىنى ئۆگەنگەن. 

سلادىتيا

  • سلادىتيا[يەشمىسى:] يەنى «خارشا-ۋاردانا» (Siladitya).

سلاۋېيكوۋ

  • سلاۋېيكوۋ[يەشمىسى:] (Петков Рачев Славейков، 5981 - 7281). بۇلغارىيە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مەجلىسىنىڭ رەئىسى (1880)، شائىر. ئوقۇتقۇچى بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا بۇلغارىيە چېركاۋىنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىگە قاتناشقان. 2781 - 3681-يىللاردا ئىستانبولدا «تاڭ» گېزىتى ۋە «ماكېدونىيە گېزىتى» نى چىقىرىپ، مىللىي مۇستەقىللىق، مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە دىنىي جەمئىيەت ئاپتونومىيىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۆھپە قوشقان.1878-يىلى بۇلغارىيە ئاپتونومىيىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مەجلىسىگە قاتناشقان. 1881-يىلى كىنەز باتتېنبېرگ لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىغا زىيانكەشلىك قىلغان چاغدا، شەرقىي رۇمىلىيىگە قېچىپ كەتكەن. لىبېراللار پارتىيىسىدىكى ئوتتۇرىدىكىلەرنىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بىلەن مۇرەسسەلىشىشىگە قارشى تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۆمرىدە نۇرغۇنلىغان لىرىك شېئىرلارنى ۋە ۋەتەنپەرۋەر شېئىرلىرىنى يازغان، «قورقماس ئايال قوماندان» ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا خەلقنىڭ ئازادلىققا ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، بۇلغارىيە ئاياللىرىنىڭ قەھرىمانلىق ئوبرازىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، كۆپ خىل رۇسچە، گرېكچە، تۈركچە، سېربچە ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. 

سلاۋىيانلار

  • سلاۋىيانلار[يەشمىسى:] (Славияне) قەدىمكى زاماندا ياۋروپادا ياشىغان ئۈچ چوڭ قەبىلە (گېرمانلار، كرىتلار، سلاۋىيانلار) نىڭ بىرى. ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ سلاۋىيان تىل تۈركۈمىگە كىرىدۇ. دەسلىپىدە ئاساسەن ۋىسفا دەرياسىنىڭ شەرقىي، كارپات تېغىنىڭ شىمالى، دىنېپىر دەرياسىنىڭ غەربى، بالتىق دېڭىزنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ رايونلارغا تارقالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1000-يىللار ئۆپچۆرىسىدە شەرقىي سلاۋىيانلار ۋە غەربىي سلاۋىيانلاردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار توغرىسىدىكى مەلۇماتلار مىلادىنىڭ باشلىرىدىلا رىم يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆرۈلگەن. چوڭ پلىنۇس ۋە تاتسىتۇس ئۇلارنى ۋېنېدلار «Venedi» دەپ ئاتىغان. ئۇلارنىڭ جايلاشقان يەرلىرى يىراق بولغانلىقتىن، رىم دۇنياسى بىلەن ئۇچرىشىشى گېرمانلار ۋە كرىتلاردەك قويۇق بولمىغان، رىملىقلارنىڭ تەسىرىگىمۇ بىرقەدەر ئاز ئۇچرىغان. مىلادى Ⅵ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى جەنۇبقا كۆچۈپ، دوناي دەرياسى ۋادىسىغا ۋە بالقان يېرىم ئارىلىغا بارغان، شۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى قىسمىنى، يەنى جەنۇبىي سلاۋىيانلارنى شەكىللەندۈرگەن؛ ۋېزانتىيە قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ فېئوداللىق تۈزۈمگە ئۆزگىرىشىدە، سلاۋىيانلارنىڭ كوممۇنا تۈزۈمى بەلگىلىك رول ئوينىغان، دەپ قارىلىدۇ. مىلادى 1000-يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئۇلار تۆمۈر قوراللارنى كەڭ قوللىنىپ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرغان، ھەرخىل قول سانائەت بارلىققا كەلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمى يىمىرىلىشكە يۈزلەنگەن. مىلادى 1000-يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ھەر قىسىم سلاۋىيانلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەزى فېئودال دۆلەتلەرنى قۇرغان. جەنۇبىي سلاۋىيانلار بۇلغارىيە، سېربىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى؛ شەرقىي سلاۋىيانلار كېيۋ روسنى؛ غەربىي سلاۋىيانلار چېخىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرنى بەرپا قىلغان. بالتىق دېڭىزىنىڭ بويىدىكى سلاۋىيانلار گېرمان فېئوداللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۇزاق مۇددەت تۇرغان. Ⅸ ئەسىردىن Ⅹ ئەسىرگىچە، سلاۋىيانلار خرىستىئان دىنىنى ئارقا-ئارقىدىن قوبۇل قىلغان (كېيىن ئاساسەن پراۋوسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلغان). تارىختىكى ھەر خىل ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، ھازىر سلاۋىيانلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئاساسەن مۇنداق: شەرقىي سلاۋىيانلار رۇسلار، ئوكرائىنلار ۋە بېلوروسلارنى؛ غەربىي سلاۋىيانلار پولشالىقلار، چېخلار، سلوۋاكلار قاتارلىقلارنى؛ جەنۇبىي سلاۋىيانلار بۇلغارلار، سېربلار، كرودىيىلىكلەر، سلوۋېنىيىلىكلەر، ماكېدونىيىلىكلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرقىي ياۋروپا رايونىدىن باشقا جايلارغا كۆچكەن سلاۋىيانلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس. 

سلوۋاكلارنىڭ مىللىي قوزغىلىڭى

  • سلوۋاكلارنىڭ مىللىي قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى سلوۋاك خەلقىنىڭ كوممۇنىستلارنىڭ رەھبەرلىكىدە 1944-يىلى 8-ئايدا كۆتۈرگەن گېرمانىيە فاشىست ئىشغالىيەتچىلىرىگە قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى. بۇ قوزغىلاڭ سلوۋاكىيىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى قاپلىغان. 10-ئايدا گېرمانىيە ئارمىيىسى ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ئازاد رايونلارنى ئىشغال قىلغان، قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۆپ قىسمى تاغلىق رايونلارغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ، كۈرەشنى تاكى چېخوسلوۋاكىيە ئازاد بولغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرغان. 

سلوۋاك ئىلمىي جەمئىيىتى

  • سلوۋاك ئىلمىي جەمئىيىتى[يەشمىسى:] سلوۋاكلار 1862-يىلى قۇرغان مىللىي مەدەنىيەت تەشكىلاتى. ئۇنىڭ مەقسىتى سلوۋاكلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ھوقۇقىنى قوغداپ، ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ شوۋېنىزملىق مىللىي ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت.1867-يىلى سلوۋاكىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋېنگرىيە ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن. 1919-يىلى چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پائالىيىتىنى بىر مەزگىل ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 

سلوۋاكىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى

  • سلوۋاكىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:] 1919-يىلى 6-ئايدا چېخوسلوۋاكىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى سلوۋاكىيىدە قۇرۇلغان سوۋېت ھاكىمىيىتى. ھۆكۈمەت پرېشوۋ (Presov) تا قۇرۇلۇپ، كوممۇنىست يانوۋشېك (Janousek) رەئىس بولغان. كارخانىلار، بانكا ۋە يەرلەرنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش يولغا قويۇلىدىغانلىقى ھەمدە ئەمگەكچى خەلققە سايلام ھوقۇقى ۋە باشقا دېموكراتىك ھوقۇقلارنىڭ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 7-ئايدا ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەت ۋە چەت ئەل جاھانگىرلىكى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. 

سلۇيس دېڭىز ئۇرۇشى

  • سلۇيس دېڭىز ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ئېكلۇسې دېڭىز جېڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئەنگلىيە-فرانسىيە يۈز يىللىق ئۇرۇشىدىكى مۇھىم دېڭىز جېڭى بولۇپ، 1340-يىل 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سلۇئىس (Sluis ياكى Sluys، فرانسۇزچە، Ecluse.L ئېكلۇسې دەپ ئاتىلىدۇ، قەدىمكى پورت، ھازىرقى گوللاندىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي دېڭىز ياقىسىدا) نىڭ يېنىدا يۈز بەرگەن. ئەنگلىيە دېڭىز فلوتى (250 كېمىدىن تەركىب تاپقان) كىچىك دېڭىز قولتۇقىنىڭ ئىچىدە تۇرغان فرانسىيە دېڭىز فلوتى (140 كېمىدىن تەركىب تاپقان) غا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، فرانسىيە كېمىلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك چۆكتۈرۈۋەتكەن ۋە ئەسىرگە ئالغان. 

سلېسىنگېر

  • سلېسىنگېر[يەشمىسى:] (Arthur Meier Schlesinger، 5691 - 8881) ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس. 1912-يىلدىن باشلاپ، ئوخىئو شتاتلىق داشۆسى، ئايوۋا شتاتلىق داشۆسى ۋە خارۋارد داشۆلىرىدە تارىخ پەنلىرى بويىچە پروفېسسور بولغان. 1942-يىلى ئامېرىكا تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. شەھەرلەرنىڭ ئامېرىكا تارىخىدا ئوينىغان مۇھىم رولىنى تەكىتلەپ، جەمئىيەت تارىخىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلغان. ئەسەرلىرىدىن: «6771 - 3671-يىللاردىكى مۇستەملىكە سودىگەرلىرى ۋە ئامېرىكا ئىنقىلابى»، «شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلۇشى»، «ئامېرىكا تارىخىدىكى يېڭى كۆز قاراش» قاتارلىقلار بار. ئۇ يەنە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئامېرىكا تۇرمۇش تارىخى» ناملىق بىر يۈرۈش كىتابنى تۈزۈپ چىققان. 

سلېيدانۇس

  • سلېيدانۇس[يەشمىسى:] (Johannes Sleidەخمىنەن 6551 - 6051) گېرمانىيىنىڭ پروتېستانت دىنىي تارىخشۇناسى. شلېيدېن (Schleiden، ھازىرقى كيولىننىڭ يېنىدا) دا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا نىدىرلاندىيىنىڭ لېگې (ھازىر بېلگىيىگە تەۋە)، فرانسىيىنىڭ پارىژ ۋە ئورلېئان قاتارلىق شەھەرلىرىدە قەدىمكى زامان تىلى ۋە قانۇنشۇناسلىقىنى ئۆگەنگەن. 1537-يىلى فرانسىيە كورۇلى فرانسوس Ⅰ نىڭ قولىدا ئىشلىگەن. 1541-يىلى دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ پروتېستانت دىنىنىڭ لۇتېر مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان. 1542-يىلى گېرمانىيىگە قايتقان. ئۇ گېرمانىيىدىكى پروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بەگلەرنىڭ فرانسىيە كورۇلى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ كە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ «ئىمپېراتور چارلېس Ⅴ دەۋرىدىكى سىياسىي، دىن ئەھۋالىنىڭ ئەمەلىي خاتىرىسى» دېگەن 26 توملۇق ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا مارتىن لوتېرنىڭ 1517-يىلى قوزغىلىشىدىن تارتىپ، 1555-يىلى «ئاۋگسبۇرگ دىنىي سۈلھ شەرتنامىسى» نىڭ ئىمزالىنىشىغا قەدەر بولغان گېرمانىيە دىنىي ئىسلاھاتىنىڭ جەريانى سىستېمىلىق بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە فروسسارتنىڭ «يىلنامە» سى ۋە كومىنېسنىڭ «ئەسلىمە» سىنى گېرمان تىلىغا تەرجىمە قىلغان. 

سموللېت

  • سموللېت[يەشمىسى:] (Tobias George Smollett، 1721 — 1771). ئەنگلىيىلىك يازغۇچى. شوتلاندىيىلىك. ياش ۋاقتىدا گلاسگوۋدا دوختۇرلۇقنى ئۆگەنگەن، 1739-يىلى لوندونغا كۆچۈپ كەلگەن. دېڭىز ئارمىيىسىدە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولغان. 1744-يىلى لوندونغا قايتىپ كېلىپ دوختۇرلۇق قىلغان، شۇنداقلا ئەدەبىي ھاياتىنى رەسمىي باشلىغان، ئۇ سەرگەردانلارنىڭ تۇرمۇشىنى يېزىشقا ماھىر بولۇپ، سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئەنگلىيە جەمئىيىتىدىكى رەڭگا رەڭ رەزىل ھادىسىلەرنى ئېچىپ تاشلاپ، ھۆكۈمرانلارنىڭ نادانلىقى ۋە زالىملىقىنى مەسخىرە قىلغان. ۋەكىللىك ئەسىرى «ھېفران كلىنىڭ» بولۇپ، يەنە «راندېننىڭ تەرجىمىھالى»، «بېلگرون بىكىر» قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار. 

سمولىنىي سارىيى

  • سمولىنىي سارىيى[يەشمىسى:] سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى لېنىنگرادتىكى كلاسسىك ئۇسلۇبتا سېلىنغان چوڭ ئىمارەت، ئۇلۇغ ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى. نېۋا دەرياسىنىڭ ياقىسىغا جايلاشقان. 8081 - 6081 -يىللاردا ئىتالىيىلىك ئارخېتىكتور كۋارېنگى (Джакоцо Кваренги ياكى Giacomo Quarenghi، 1744- 1817) لايىھىلەپ بىنا قىلىنغان. ئەسلىدە دېۋىرقاي زاۋۇتىنىڭ ئورنى بولۇپ، دېۋىرقاي رۇسچىدا Смола دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، سۈپەتتە Смольный دېيىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق ئاتالغان. كېيىن ئاقسۆڭەك قىزلار گىمنازىيىسى قىلىنغان. 1917-يىلى لېنىن بۇ يەردە ئۆكتەبر قوراللىق قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان، پۈتۈن روسىيە سوۋېتلەرنىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ 1918-يىلى 3-ئايدىن ئىلگىرى روسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىكلەر) مەركىزىي كومىتېتى، سوۋېت روسىيىسى ھۆكۈمىتى ۋە ئىككىنچى نۆۋەتلىك پۈتۈن روسىيە سوۋېتلەر مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايى بولغان. لېنىنگراد ئوبلاستلىق، لېنىنگراد شەھەرلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تۇرۇشلۇق جاي قىلىنغان. 

سمۇتس

  • سمۇتس[يەشمىسى:] (Jan Christiaan Smuts، 0591 - 0781) جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ زۇڭلىسى (1919-1924، 8491 - 9391). بۇر مىللىتىدىن. 1891-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا سېتىللېنبوش (Stellenbosch) شەھىرىدىكى ۋىكتورىيە ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ئەنگلىيىدىكى كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خرىستىئان ئىنستىتۇتىدا قانۇن ئۆگىنىپ، 1894-يىلى ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. 1895-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىغا يېنىپ كېلىپ، سىياسىي ساھەگە كىرىپ، ئەنگلىيىنىڭ بۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىشىنى كۈچەپ بازارغا سالغان. رودېسنىڭ ترانسۋائال (Transvaal) غا ھۇجۇم قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، ئەنگلىيە پۇقرالىقىدىن ۋاز كېچىپ، ترانسۋائالغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئەنگلىيە-بۇر ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇرلار ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. ئەنگلىيە-بۇر ئۇرۇشىدىن كېيىن يەنە ئەنگلىيە بىلەن بۇرلارنىڭ ھەمكارلىقىنى تەرغىپ قىلىپ، ترانسۋائال بىلەن ئورېيىنچ (Orange) لاردا ئاپتونومىيىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ھەمدە كاپې (Cape) ۋە ناتال (Natal) مۇستەملىكىلىرى بىلەن ئىتتىپاق بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1910-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى (0291 - 0191) بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدە ئەنگلىيىگە قاراشلىق شەرقىي ئافرىقىدىكى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولۇپ، گېرمانىيىگە قارام غەربىي جەنۇبىي ئافرىقىنى بېسىۋالغان. 1917-يىلى ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە يىغىنىغا ۋە ئۇرۇش ۋاقتى ئىچكى كابىنېتىغا قاتنىشىپ، زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان ھەمدە پادىشاھلىق ھاۋا ئارمىيىسىنى تەشكىللىگەن. 1919-يىلى پارىژ تىنچلىق يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىغا قايتىپ كەلگەن. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، زۇڭلى، ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى، مۇئاۋىن زۇڭلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چاغلىرىدا ئىرقچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئىشچىلار ھەرىكىتىنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرغان. غەربىي جەنۇبىي ئافرىقا (نامبىيە) نى يۇتۇۋېلىشقا جېنىنىڭ بارىچە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئىشقا ئاشۇرالمىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ زۇڭلىسى ۋە باش قوماندانى بولغان. ئۇنىڭ «پۈتۈنلۈك نەزەرىيىسى ۋە تەدرىجىي تەرەققىيات»، «دۆلەت ئىتتىپاقى؛ قىممەتلىك بىر تەكلىپ»، «ئافرىقا ۋە دۇنيا مەسىلىلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

سمېتانا

  • سمېتانا[يەشمىسى:] (Bedrich Smetana، 1824 — 1884). چېخ كومپوزىتورى، يېقىنقى زامان چېخ مىللىي مۇزىكىسى ئېقىمىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى. كىچىك ۋاقتىدا رويال ۋە ئىسكىرىپكا چېلىشنى ئۆگەنگەن.1848-يىل ئىنقىلابى مەزگىلىدە، ناخشا «ئەركىنلىك ناخشىسى»، رويال مۇزىكىسى «پراگا ستۇدېنتلىرى قوشۇنىنىڭ مارشى»، «مىللىي مۇھاپىزەت قوشۇنىنىڭ مارشى» قاتارلىقلارنى يېزىپ، مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشقان. شۇ يىلى 8-ئايدا پراگا مۇزىكا مەكتىپىنى قۇرغان. ئۇ ئىجادىيەت، دېرىژورلۇق قىلىش، ئوقۇتۇش، ئوبزور يېزىش، مۇزىكا ئولتۇرۇشىنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، چېخ مىللىي مۇزىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا غايەت زور رول ئوينىغان. سەككىز ئوپېرا ئىجاد قىلغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «سېتىلغان يېڭى كېلىن»، «براندېنبۇرگلىقلار چېخىيىدە»، «دارپو»، «رىبوش» لار چېخ مىللىي ئوپېرالىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە سىمفونىيىلىك ناخشا مۇزىكىسى «ۋەتىنىم»، تارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى تەڭكەش قىلىنغان مۇزىكا «مېنىڭ تۇرمۇشۇم» ۋە رويال مۇزىكا توپلىمى «پوركا» قاتارلىقلارمۇ بار. 

سنوۋ

  • سنوۋ[يەشمىسى:] (Edgar Snow، 1905 — 1972). ئامېرىكىلىق يازغۇچى ۋە مۇخبىر. 1928-يىلى جۇڭگوغا تۇنجى قېتىم كېلىپ، شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق مۇخبىر بولغان. 1933-يىلىدىن باشلاپ بېيجىڭ يەنجىڭ داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1936-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى شىمالىي شەنشى تايانچ بازىسىنى زىيارەت قىلغان. ئىككىنچى يىلى «غەربكە قىلىنغان سەپەر خاتىرىسى» (ئەسلى نامى «قىزىل يۇلتۇز جۇڭگونى يورۇتماقتا») نى يېزىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى تونۇشتۇرغان. 1939-يىلى شىمالىي شەنشىنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلغان. جۇڭگونى ئۈچ قېتىم، يەنى 1960-يىلى، 1964-يىلى ۋە 1970-يىلى زىيارەت قىلىپ، يېڭى جۇڭگونى تونۇشتۇرىدىغان نۇرغۇن خەۋەرلەرنى يازغان. «چوڭ دەريانىڭ ئۇ قىرغىقىدا»، «جۇڭگودىكى زور ئۆزگىرىش» قاتارلىق جۇڭگونى تونۇشتۇرىدىغان كىتابلىرى بار. 1972-يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنى جەنۋەدە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، جەسەت كۈلىنىڭ يېرىمى 1973-يىلى 10-ئايدا جۇڭگو بېيجىڭ داشۆسىنىڭ ئىچىدىكى (ئەسلىدىكى يەنجىڭ داشۆسىنىڭ كونا ئورنى) ۋېيمىنخۇ كۆلى بويىغا دەپنە قىلىنغان. 

سنېفرۇ

  • سنېفرۇ[يەشمىسى:] (Snefru). قەدىمكى مىسىر 4-سۇلالىسىنىڭ 1-فىرئەۋىنى (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە 3-سۇلالىنىڭ ئاخىرقى فىرئەۋىنى بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن 2613 — 2589 يىل ئىلگىرى ياشىغان). تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە نۇبىيە ۋە سىناي يېرىم ئارىلىغا يۈرۈش قىلىپ، كۆپلىگەن ئەسىرلەر ۋە چارۋىلارنى ئولجا ئالغان، مۇھىم كان — سىناي مىس كېنىنى تارتىۋالغان، جەنۇبىي چېگرا بىلەن شىمالىي چېگرىدا «سنېفرۇ ئائىلىسى» دەپ ئاتالغان غايەت زور مۇداپىئە ئىستىھكامىنى ياساتقان. چوڭ كېمە (ئۇزۇنلۇقى 50 مېتر) ياسىتىپ، نىل دەرياسىدىكى قاتنىشىنى راۋاجلاندۇرغان. يەنە ئېگىزلىكى 100 مېتر كېلىدىغان پىرامىدا ياساتقان، بۇ پىرامىدا ھازىرمۇ قاھىرە يېنىدىكى داخاشۇر دېگەن جايدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. ئۇ تەختتە 24 يىل ئولتۇرۇپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن، پادىشاھلىق تەختىگە ئوغلى خوف ۋارىسلىق قىلغان. 

سنېلمان

  • سنېلمان[يەشمىسى:] (Johan Vilhelm Snellman، 1806 — 1881). فىنلاندىيە مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1822-يىلى شىركۇ داشۆسىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1828-يىلى شىركۇ داشۆسى بىلەن بىللە خىلسىنكىغا كۆچۈپ كېلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلەر تەشكىلاتى — «شەنبە ئىلمىي جەمئىيىتى» بىلەن ئالاقە باغلىغان. 1835-يىلى پەلسەپە لىكتورى بولغان.1839— 1842-يىللاردا شۋېتسىيە، دانىيە، گېرمانىيىلەرگە بېرىپ، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن مەملىكىتىگە قايتىپ كېلىپ، ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى بولغان ھەمدە «دېھقانلارنىڭ دوستى» (شۇ چاغدىكى بىردىنبىر فىنچە گېزىت) ۋە «سېما» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلىپ، مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلغان. 1846-يىلى «سېما» ژۇرنىلى پېچەتلەنگەندىن كېيىن، يەنە «ئاۋام ئەدەبىيات گېزىتى» نى چىقارغان. 1849-يىلى خىلسىنكىغا بېرىپ پروفېسسور بولغان، مالىيە مىنىستىرلىكىنى باشقۇرغان. 1870 — 1874-يىللاردا فىنلاندىيە ئەدەبىياتچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1863-يىلى ئېلان قىلىنغان فىن تىلىنى دۆلەتنىڭ رەسمىي تىلى قىلىش توغرىسىدىكى قانۇنىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىرىلىشى ۋە لانگېنسكيۇلد (Langenskiold) باشلىغان پۇل ئىسلاھاتىنىڭ 1865-يىلى ئورۇندىلىشىدا مۇھىم تۆھپىسى بار. 

سوبۇل

  • سوبۇل[يەشمىسى:] (Alber Soboul، 1914 — 1982) فرانسىيىلىك تارىخشۇناس. دېھقان ئائىلىسىدىن چىققان. 1936-يىلى پارىژ داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، 1939-يىلى فرانسىيە كومپارتىيىسىگە كىرگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1945-يىلىدىن كېيىن پارىژ قاتارلىق جايلاردا ئوقۇتقۇچى بولغان. پۈتۈن كۈچىنى فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىغان ھەم شۆھرەت قازانغان. 1959-يىلىدىن تارتىپ «روبېسپىر تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتى» نىڭ باش كاتىپى بولغان، شۇنداقلا فرانسىيە ئىنقىلابى تارىخى مەجمۇئەسى» نىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى بولغان.1967-يىلىدىن باشلاپ پارىژ داشۆسىدە فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى تارىخى توغرىسىدىكى لېكسىيىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ھەمدە بۇ مەكتەپنىڭ فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى تارىخى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1981-يىلى جۇڭگوغا كېلىپ لېكسىيە بەرگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى: «فرانسىيە ئىنقىلابى، 1789 — 1799» (خەنزۇچە تەرجىمىسى بار)، «فرانسىيە ئىنقىلابى تارىخى»، «دېھقانلار، تىزلاپچىسىزلار ۋە ياكۇبىنچىلار». باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان ئەسەرلىرىدىن «پارىژدىكى تىزلاپچىسىزلار،1793— 1794-يىللاردىكى خەلق ھەرىكىتىگە ئائىت تارىخىي ماتېرىياللار» قاتارلىقلار بار. 

سوتسىيال پاتىسفىزم

  • سوتسىيال پاتىسفىزم[يەشمىسى:] ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىكى ھەرقايسى ئەل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىلىرى ئىچىدىكى بىر خىل ئاغمىچىلىق ئىدىيىۋى ئېقىمى. ئېغىزدىكى سوتسىيالىزم، ئەمەلىيەتتە بۇرژۇئا پاتىسفىزمى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، خەلق ئاممىسىنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى ئىنقىلابىي دولقۇنى كۈنسېرى ئۆرلەپ بېرىۋاتقاچقا، ھەرقايسى جاھانگىر دۆلەتلەر سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق «تىنچ ھالدا» ئولجا بۆلۈشۈش، «تىنچ ھالدا» پرولېتارىياتنى قورالسىزلاندۇرۇش كويىدا بولغان. ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىكى كائوتىسكى، تۇراتى ئېقىمىدىكىلەر، جاھانگىرلىك سىياسىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، سوتسىيالىزم تونىغا ئورۇنۇۋېلىپ، بۇرژۇئا پاتىسفىزمنى كۈچىنىڭ بارىچە تەرغىپ قىلىشقان. ئۇلار تىنچلىق سوتسىيالىستلارنىڭ ئالىي غايىسى ئۈستىدە قۇرۇق گەپ سېتىشقان، «دېموكراتىك» سۈلھ شەرتنامە تۈزۈش ئارقىلىق تىنچلىققا ئېرىشىشنى تەرغىپ قىلىشقان. كاپىتالىزم شارائىتى ئاستىدا ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش، خەلقئارالىق سوت مەھكىمىسىنى قۇرۇش ۋە قورالسىزلاندۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق مەڭگۈلۈك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. تىنچلىق خام خىيالىنى تارقىتىپ، ھەممە ئۇرۇشلارغا قارشى تۇرغان، ئاممىنى ئىنقىلابىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرمىغان، پرولېتارىياتنىڭ زورلۇق كۈچى ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىشىغا قارشى تۇرۇپ، جاھانگىرلىك تۈزۈمىنى قوغدىغان. لېنىن بۇ خىل سوتسىيالىزم ئىبارىلىرى بىلەن بۇرژۇئا پاتىسفىزمنى تەرغىپ قىلغۇچىلارنى سوتسىيال پاتىسفىستلار دەپ ئاتاپ، «پرولېتارىيات ئىنقىلابىنىڭ ھەربىي ئىشلار پروگراممىسى»، «<تىنچلىق پروگراممىسى> ھەققىدە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۇلارنى چوڭقۇر ھالدا پاش قىلغان ۋە تەنقىد قىلغان.

سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى

  • سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى[يەشمىسى:] سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى»، «سوتسىيالىستلار پارتىيىسى» دەپ ئاتىلىدىغانلىرىمۇ بار. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشى ۋە ماركسىزمنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپا-ئامېرىكىدىكى بەزى دۆلەتلەردە ئارقا-ئارقىدىن پرولېتارىيات پارتىيىسى قۇرۇلغان. ئۇلار، پارتىيە زىممىسىگە ئالغان دېموكراتىك ئىنقىلاب ۋەزىپىسى بىلەن سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋەزىپىسىنىڭ زىچ ئالاقىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئادەتتە ئۆزلىرىنى «سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى» دەپ ئاتىغان. گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى ئەڭ دەسلەپ (1869-يىل) قۇرۇلغان. كېيىن دانىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە، ئىسپانىيە، بېلگىيە، ئىتالىيە، پولشا، ئەنگلىيە، نورۋېگىيە، ئاۋسترىيە، شۋېتسارىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق ئەللەردە ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلغان. روسىيە مۇساپىرلىرىمۇ جەنۋەدە ماركسىزمنى تەشۋىق قىلغۇچى تەشكىلات — «ئەمگەكنى ئازاد قىلىش جەمئىيىتى» نى قۇرغان. ھەرقايسى ئەل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىلىرى 1889-يىلى ئېنگېلسنىڭ رەھبەرلىكى ۋە تەشكىللىشى بىلەن بىرلىشىپ ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرغان. ئۇ، دەسلەپكى مەزگىلىدە خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتى تەرەققىياتىدا ئاكتىپ ۋە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. كېيىن، ئاغمىچىلىق پىكىر ئېقىمىنىڭ ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالدا ئۆسۈپ بېرىشى تۈپەيلىدىن، روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) نى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپ سانلىق دۆلەتلەردىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىلىرى ئاينىپ بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىق پارتىيىلىرىگە ئايلىنىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى گۇماشتىلىرى بولۇپ قالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا، ئۇلار ئۆز دۆلىتىدىكى بۇرژۇئا ھۆكۈمىتىنى ئاشكارا قوللاپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى ھىمايە قىلىپ، سوتسىيال شوۋىنىزملىق ئەكسىيەتچىل قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ قويغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىلىرى ئوڭ قانات كاتتىباشلىرىنىڭ باشقۇرۇشى بىلەن داۋاملىق ھالدا مونوپول بۇرژۇئازىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. 

سوتسىيال دېموكراتلار ئىتتىپاقى

  • سوتسىيال دېموكراتلار ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] ئەنگلىيىدە ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى بارلىققا كەلگەن، سوتسىيالىستىك خاھىشقا ئىگە سىياسىي تەشكىلات. بۇ تەشكىلاتنىڭ تەكتى 1881-يىلى قۇرۇلغان دېموكراتلار ئىتتىپاقى بولۇپ، ئۇنىڭ يولباشچىسى — ئىسلاھاتچى ھايندمان. 1884-يىلى ۋىليام مورېس باشچىلىقىدىكى سول قاناتلار جۈملىدىن ماركسنىڭ قىزى ئىلېئانورا (Eleanor Marx - Aveling ، 1855 — 1898 ۋە ئىۋېلنىگ قاتارلىق كىشىلەر) بۇ تەشكىلاتتىن بۆلۈنۈپ چىققاندىن كېيىن، مەزكۇر نامنى رەسمىي قوللانغان. 1907-يىلى ئىشچىلار ھەرىكىتى ئۆرلىگەن ئەھۋال ئاستىدا، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن، كېيىن يەنە 1911-يىلى ئەنگلىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بولۇپ شەكىللەنگەن. 

سوتسىيال دېموكراتىزم

  • سوتسىيال دېموكراتىزم[يەشمىسى:] ⅩⅨئەسىرنىڭ ئاخىرى، ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى بەزى دۆلەتلەردىكى سوتسىيالىستلار پارتىيىلىرى نامىنى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى دەپ بېكىتكەن، ئەزالىرى ئۆزلىرىنى سوتسىيال دېموكراتلار دەپ ئاتىغان. ماركس، ئېنگېلس «سوتسىيال دېموكراتىزم» دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ئىلمىي جەھەتتە توغرا ئەمەسلىكىنى كۆپ قېتىم كۆرسىتىپ ئۆتكەن. بىراق ئەينى زاماندىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىلىرى ئىلمىي سوتسىيالىزمنى ئۆزىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى قىلغانلىقى ئۈچۈن «سوتسىيال دېموكراتىزم» ئادەتتە ئىلمىي سوتسىيالىزمنى كۆرسەتكەن. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەللەردىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىلىرىدە ئاغمىچىلىق ئىدىيىۋى ئېقىمى ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقىۋالغان، ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى تەشەببۇس قىلغۇچى پرولېتارىيات پارتىيىسىدىن ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلغۇچى بۇرژۇئا پارتىيىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن. شۇ سەۋەبتىن «سوتسىيال دېموكراتىزم» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئاغمىچىلىقنىڭ باشقىچە ئاتىلىشىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇلار، بۇرژۇئا دېموكراتىيىسىنى تەرغىپ قىلىپ، سىنىپىي مۇرەسسەچىلىكنى تەشەببۇس قىلغان، كاپىتالىزم «تىنچ ھالدا» سوتسىيالىزمغا «ئۆسۈپ كىرىدۇ» دېگەننى تەرغىپ قىلىپ پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرغان، بۇلار ھەرقايسى ئەل ئوڭ قانات سوتسىيال پارتىيىلىرىنىڭ نەزەرىيە ۋە سىياسىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ كەلگەن. 

سوتسىيال شوۋىنىزم

  • سوتسىيال شوۋىنىزم[يەشمىسى:] «ئېغىزدا سوتسىيالىزم، ئەمەلىيەتتە شوۋىنىزم بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.» شۇۋىن (Nicolas Chauvin) ئەسلىدە فرانسىيە كورۇلى ناپولېئونⅠ نىڭ قول ئاستىدىكى ئەسكەر بولۇپ، ئۇ ناپولېئون Ⅰ نىڭ ئىستېلاچىلىق پىلانىنى تەلۋىلەرچە ھىمايە قىلغانلىقى، زوراۋانلىق كۈچ ئارقىلىق فرانسىيە ئىمپېرىيىسىنى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن، كېيىن ئۆز دۆلىتىدىكى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ باشقا مىللەتلەرنى ئېزىشىنى قوللايدىغان بۇرژۇئا تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېردىكى مىللەتچىلىك شوۋىنىزم دەپ ئاتالغان. سوتسىيال شوۋىنىزم — ئاغمىچىلىقنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى شارائىتىدىكى مەھسۇلى ئىدى. ئۇنىڭ ئاساسىي سىياسىي ئىدىيىۋى مەزمۇنى ئاغمىچىلىق بىلەن پۈتۈنلەي بىردەك بولۇپ، ئورتاق ئىدىيىۋى ئېقىمغا ياتىدۇ. ئەينى زاماندا، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئاغمىچى كاتتىباشلىرى، ئۇرۇشنىڭ جاھانگىرلىك خاراكتېرىنى يوشۇرۇپ، «ۋەتەننى قوغداش» شوئارىنى توۋلاپ، پارلامېنتتا ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي خام چوتىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرىنى ئالداپ ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى پائال قوللىغان، ئۆز دۆلىتىدىكى بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغان، پرولېتارىياتنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى بۇرژۇئازىيىگە قارشى ئىنقىلابىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشىنى تەرغىپ قىلىشنى ۋە ئۇنى قوللاشنى رەت قىلىپ، سوتسىيالىزم ۋە پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزملىق مەيدانىغا ئاسىيلىق قىلىپ، چۈشكۈنلىشىپ سوتسىيال شوۋىنىزمچىلارغا ئايلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شېدېمان قاتارلىقلار ئاشكارا قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىققان، كائۇتىسكى باشچىلىقىدىكى «بىتەرەپلەر» يوشۇرۇن ۋاسىتە قوللانغان. لېنىن: «سوتسىيال شوۋىنىزم — ئۇچىغا چىققان ئاغمىچىلىق» دەپ كۆرسەتكەن. («لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى» 2-توم، خەنزۇچە نەشرى 650-بەت).

سوتسىيالىزم

  • سوتسىيالىزم[يەشمىسى:] (1) سوتسىيالىستىك تۈزۈم پرولېتارىيات كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە ئەمگەكچى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىنقىلابىي كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، بۇرژۇئا دۆلەت ماشىنىسىنى ئۈزۈل-كېسىل پاچاقلاپ تاشلاپ، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى يولغا قويغاندىن كېيىن بەرپا قىلىنغان. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئېكسپىلاتاتسىيە تۈزۈمى يوقىتىلغان، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ئاساس قىلغان، ھەر كىم قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەپ، ھەركىمگە ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلغان، خەلق ئىگىلىكى پىلانلىق، نىسبەت بويىچە راۋاجلاندۇرۇلغان، يۈكسەك دەرىجىدە راۋاج تاپقان ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە كاپىتالىزم جەمئىيىتىگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى بولغان، كوممۇنىستىك ئىدىيە يادرو قىلىنغان سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. سوتسىيالىزم جەمئىيىتىدە، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىگە سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار سىنىپ سۈپىتىدە يوقىتىلغان بولىدۇ. بىراق سىنىپىي كۈرەش مۇئەييەن دائىرىدە يەنىلا ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ھەمدە مەلۇم شارائىتتا يەنىلا كەسكىنلىشىش ئېھتىمالى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇش لازىم. سوتسىيالىزم جەمئىيىتى كوممۇنىزم جەمئىيىتىنىڭ تۆۋەن باسقۇچى بولۇپ، ئاساسىي زىددىيەت يەنىلا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىس ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بولىدۇ. سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ كۆپ ۋەزىپىسى — ماركسىزم-لېنىنىزم ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىنى پەيدىنپەي ياخشىلاش، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئۇيغۇنلىشالمايدىغان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئۇستقۇرۇلمىنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىش، يۈكسەك ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش، كەلگۈسى كوممۇنىزم جەمئىيىتىدىن ئىبارەت يۇقىرى باسقۇچقا ئۆتۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان شەرت-شارائىت ھازىرلاشتىن ئىبارەت. (2) سوتسىيالىزم ئىدېئولوگىيىسى. «سوتسىيالىزم» دېگەن بۇ سۆز لاتىنچە سوتسىيالىس Socialis دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، ئەسلى مەنىسى «قۇرداشلىق»، «ھەمتاۋاق» دېگەنلىك. ئادەتتە ئەنگلىيە، فرانسىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتتىكى خىيالىي سوتسىيالىستلار ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى، ئۆزلىرىنىڭ كاپىتالىزم جەمئىيىتىدە ئەۋج ئالغان شەخسىيەتچىلىككە قارشى تۇرۇپ، كوللېكتىۋىزملىق ئىدىيىۋى خاھىشقا مايىللىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئەڭ دەسلەپ بۇ ئاتالغۇنى قوللانغان دەپ قارالماقتا. ئۇنىڭ دەسلەپكى مەنىسى، مال-مۈلۈك تەڭسىزلىكىگە يول قويۇش بولۇپ، كاپىتالىزم تۈزۈمىنى يوقىتىش مەزمۇنىنى ئېنىق ئۆز ئىچىگە ئالمىغان، غەربىي ياۋروپا ئەللىرىگە تارقالغان بولۇپ، فېئودال سوتسىيالىزمى، ئۇششاق بۇرژۇئا سوتسىيالىزمى، «ھەقىقىي» سوتسىيالىزم، بۇرژۇئا سوتسىيالىزمى، خىيالىي سوتسىيالىزم قاتارلىق ئىدىيىۋى ئېقىملار بارلىققا كەلگەن. ماركس ۋە ئېنگېلس 1848-يىل 2-ئايدا «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ تۈپ پرىنسىپلىرىنى شەرھلەپ، سوتسىيالىزمنى خىيالدىن پەنگە ئايلاندۇرغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سوتسىيالىزمنىڭ مەنىسىنى پۇختا ئىلمىي بەلگىلىمىگە ئىگە قىلغان. «ئىلمىي سوتسىيالىزم»، «ماركسىزم-لېنىنىزم» غا قارالسۇن. 

سوتسىيالىستلار پارتىيىسى

  • سوتسىيالىستلار پارتىيىسى[يەشمىسى:] «سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى» گە قارالسۇن. 

سوتسىيالىستلار پارتىيىسى خەلقئارا ئىشچىلار بىرلەشمىسى

  • سوتسىيالىستلار پارتىيىسى خەلقئارا ئىشچىلار بىرلەشمىسى[يەشمىسى:] ئادەتتە ئىككى يېرىمىنچى ئىنتېرناتسىئونال دېيىلىدۇ. ۋېنا ئىنتېرناتسىئونالى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1921-يىلى 2-ئايدا كائۇتىسكى باشچىلىقىدىكى گېرمانىيە مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى، ئەنگلىيە مۇستەقىل ئىشچىلار پارتىيىسى قاتارلىق 13 دۆلەتنىڭ «بىتەرەپ» سوتسىيالىستلار پارتىيىلىرى ۋېنادا قۇرغان خەلقئارالىق تەشكىلات. ئاۋسترىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ كاتتىبېشى فرېدرىخ ئادلېر (Friedrich Adler، 1879 — 1960) باش سېكرىتار بولغان. ئۇلار، ئۆزلىرىنى سىياسىي جەھەتتە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال بىلەن ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئارىسىدا تۇرغۇچىلار دەپ ماختىغان، ئەمەلىيەتتە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئاغمىچىلىق لۇشيەنىنى يولغا قويغان، بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىقنى ۋە پاتىسفىزمنى تەرغىب قىلغان، سىنىپىي مۇرەسسەچىلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىشچىلار قوشۇنىنى پارچىلاپ، كاپىتالىستىك تۈزۈمنى قوغداپ كەلگەن ھەمدە ئىشچىلار ئاممىسىنىڭ ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال تەرىپىگە ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ ھەرقايسى ئەللەر خەلقى ئىچىدىكى تەسىرىنىڭ كۈنسېرى ئۆسۈپ بېرىشىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولغان. لېنىن مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «ئىككى يېرىمىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىكى جانابلار ئۆزلىرىنى ئىنقىلابچى دەپ ئاتاشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ھالقىلىق پەيتلەرگە كەلگەندە، ئەكسىلئىنقىلابچىلارغا ئايلىنىپ كەتتى» («لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى» 4-توم، خەنزۇچە نەشىرى 557-بەت). 1923-يىلى 5-ئايدا بېرنې ئىنتېرناتسىئۇنالى بىلەن بىرلىشىپ سوتسىيالىستىك ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالى بولغان. 

سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن

  • سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن[يەشمىسى:] «سوتسىيالىزمچىلارغا قارشى ئالاھىدە قانۇن» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تولۇق ئاتىلىشى: «سوتسىيال-دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئامانلىققا زىيان يەتكۈزۈش سۇيىقەستلىرىنى باستۇرۇش قانۇنى». گېرمانىيە بىسمارك ھۆكۈمىتى ئىشچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان. 1878-يىل 5 — 6-ئايلاردا گېرمانىيە كورۇلى ۋىليام Ⅰ ئىككى قېتىم سۇيىقەستكە ئۇچرىغان. بىسمارك بۇنى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە ئارتىپ، 10-ئاينىڭ 19-كۈنى بۇ قانۇننى ئىمپېرىيە پارلامېنتىدا ماقۇللىتىپ، 21-كۈنى ئېلان قىلىپ يولغا قويغان. بۇ قانۇندا: ھەرقانداق تەشكىلات، گېزىت-ژۇرنال، باسما ماتېرىياللىرى ۋە يىغىلىشلار ئومۇمەن «سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ، سوتسىيالىزمنىڭ ياكى كوممۇنىزمنىڭ بولغانىكەن، ھازىرقى دۆلەت ۋە جەمئىيەت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانىكەن»، بۇنداق ھەرىكەتلەر بىردەك چەكلىنىدۇ. بۇ خىل تەشكىلاتلارغا بولغان ھەرقانداق قوللاش قاتتىق جازالىنىدۇ، ھۆكۈمەت ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى بېجىرمەستىنلا ئامانلىققا تەھدىت يەتكۈزگەن خەۋپلىك ئۇنسۇرلارنى قولغا ئالىدۇ ياكى سۈرگۈن قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. دەسلەپتە بۇ قانۇننىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئىككى يېرىم يىل دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، كېيىن 1890-يىلى ئەتىيازغىچە ئۇزارتىلغان. يولغا قويۇلغان مەزگىلدە سوتسىيال دېموكراتلار ۋە ئىلغار ئىشچىلارنىڭ بارلىق تەشكىلاتلىرى قانۇنسىز ئورۇندا تۇرغان، 330 دىن كۆپرەك ئىشچىلار تەشكىلاتلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. 1300 خىلدىن ئارتۇق كىتاب-ژۇرنال چەكلەنگەن. 2400 دىن كۆپرەك كىشى تەقىپ قىلىنغان ۋە سۈرگۈن قىلنغان. مەزكۇر قانۇن 1890-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 

سوتسىيالىستلار ئىنتېرناتسىئونالى

  • سوتسىيالىستلار ئىنتېرناتسىئونالى[يەشمىسى:] ئىشچىلار پارتىيىلىرى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ خەلقئارالىق بىرلەشمە تەشكىلاتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەنگلىيە لېبورىستلار پارتىيىسى، ئامېرىكا مېھنەتكەشلەر بىرلەشمىسى، سانائەت ئىشچىلار بىرلەشمىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، بەزى دۆلەتلەردىكى ئوڭ قانات سوتسىيالىستلار 1947-يىلى 12-ئايدا خەلقئارا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى كېڭەش كومىتېتى قۇرغان ھەمدە 1951-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ فرانكفۇرتتا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قۇرۇلتىيىدا، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، بۇنى خەلقئارا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى كېڭەشمە كومىتېتىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. ئۇنىڭ باش شتابى لوندوندا بولۇپ، 1974-يىلى 6-ئايغىچە 54 دۆلەتنىڭ 57 سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن لېبورستلار پارتىيىسى قاتناشقان. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ۋە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ۋارىسلىرى دەپ ئاتىۋالغان. ئۇنىڭ پروگراممىسى قۇرۇلۇش قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان «دېموكراتىك سوتسىيالىزمنىڭ نىشانىسى ۋە ۋەزىپىلىرى» بولۇپ، ئۇنىڭدا دېموكراتىك سوتسىيالىزم سىنىپىي ھەمكارلىق تەرغىپ قىلىنغان، كوممۇنىزمغا دۈشمەنلىك بىلەن قاراپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرغان. 1980-يىلى 11-ئايغىچە سوتسىيالىستلار ئىنتېرناتسىئونالى 15 قېتىم قۇرۇلتاي چاقىرغان. 

سوتسىيالىستىك ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالى

  • سوتسىيالىستىك ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالى[يەشمىسى:] (بېرنې ئىنتېرناتسىئونالى بىلەن ئىككى يېرىمىنچى ئىنتېرناتسىئونال 1923-يىلى 5-ئايدا گامبۇرگدا چاقىرىلغان بىرلىشىش يىغىنىدا، ئىككىنچى ئىنېرناتسىئونالنىڭ رېۋىزىئونىزملىق پروگراممىسىنى ئاساس قىلىپ، بىرلىشىپ تەشكىل قىلغان خەلقئارا تەشكىلات. ئۇلار سىنىپىي ھەمكارلىقنى تەشەببۇس قىلغان، بۇرژۇئا دېموكراتىيىسىنى ماختىغان، كاپىتالىزم سوتسىيالىزمغا «تىنچ ھالدا ئۈسۈپ كىرىش»، مۇستەملىكىلەرنى تىنچ ھالدا مۇستەقىل دۆلەتلەرگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت سەپسەتىلەرنى تارقاتقان، ئىشچىلار سىنىپىي ئىتتىپاقىغا بۆلگۈنچىلىك سالغان ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، جاھانگىرلىكنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. باش شتابى سيۇرىختا (دەسلەپ لوندوندا) بولغان، ئاۋسترىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ كاتتىبېشى فرېدرىخ ئادلېر (Friedrich Adler، 1879 — 1960) ئۇنىڭ سېكرىتارى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئاساسەن يىمىرىلگەن. 1951-يىلى «سوتسىيالىستلار پارتىيىلىرى ئىنتېرناتسىئونالى» قۇرۇلۇپ، ئۆزىنى «سوتسىيالىستىك ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونال» نىڭ ۋارىسى دەپ ئاتىۋالغان. 

سوتسىيال ئىنقىلابچىلار پارتىيىسى (كادىتلار پارتىيىسى)

  • سوتسىيال ئىنقىلابچىلار پارتىيىسى (كادىتلار پارتىيىسى)[يەشمىسى:] روسىيە ئۇششاق بۇرژۇئازىيىسىنىڭ سىياسىي پارتىيىسى. 1902-يىلى نارودنىكلار گۇرۇپپىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىشىشى بىلەن قۇرۇلغان. ئۇنىڭ كاتتىبېشى چېرنوۋ (В.М. Чернов، 1873 — 1952) قاتارلىق كىشىلەر. فىدېرالىزم ئاساسىدا دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، كاپىتالىزم تۈزۈمى ئاستىدا يەرنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، پرولېتارىياتنىڭ بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىدىكى رەھبەرلىك رولىنى ئىنكار قىلغان، پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى چىققان. شەخسىي تېررورلۇقنى ئاساسلىق تاكتىكا قىلىۋالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كۆپ سانلىق ئەزالىرى سوتسىيال شوۋىنىزمچىغا ئايلانغان. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە قاتنىشىپ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق تۈۋرۈكىدىن بىرى بولغان، سوتسىيالىستىك ئىنقىلابقا قارشى تۇرغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن چەت ئەل مۇداخىلىچىلىرى ۋە ئاق گۋاردىيىچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، قوراللىق توپىلاڭ تەشكىللىگەن. سوۋېت روسىيىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە يوشۇرۇن زىيانكەشلىك قىلغان. گراژدانلار ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان.

سوتۇنىئۇس

  • سوتۇنىئۇس[يەشمىسى:] (Gaius Suetonius Tranquillus، تەخمىنەن 69 — 140). قەدىمكى رىملىق بېئوگراف. رىم ئىمپېراتورى ھاردىئاننىڭ كاتىپى بولغان. خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئارخىپ ئامبىرىدىكى يازما ھۈججەت ماتېرىياللىرىدىن تولۇق پايدىلانغان.مىلادى 121-يىلى خىزمەتتىن چېكىنىپلا مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. تەزكىرە خاراكتېرلىك ئەسىرى «رىم پادىشاھلىرى تەرجىمىھالى» («12 نەپەر كائېسارنىڭ تەرجىمىھالى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ناملىق ئەسىرى بار، بۇنىڭدا كائېساردىن تارتىپ دومىتىئانغىچە بولغان 12 نەپەر رىم ئىمپېراتور-پادىشاھلىرىنىڭ ھاياتىدىكى ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان. ئۇ تەرجىمىھاللار توپلىمى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كائېسارنىڭ تەرجىمىھالى موپەسسەل بايان قىلىنغان. بۇلاردىن باشقا «مەشھۇر كىشىلەر تەرجىمىھالى» ناملىق ئەسىرىمۇ بار. بۇ كىتابى كېيىنكى تەرجىمىھال يازغۇچىلىرىغا خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن، بىراق سۆز تاللاش جەھەتتە دېگەندەك پۇختا بولماي، قۇرۇق، چۈشىنىكسىز بولۇپ چىققان. 

سوخە باتۇر

  • سوخە باتۇر[يەشمىسى:] (Даидини Сухбаатар، 1893 — 1923) موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى. نامرات چارۋىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1912 — 1918-يىللىرى ھەربىي سەپتە بولغان.1919-يىلى كۇرۇلۇن (ھازىرقى ئۇلانباتور) دا ئىنقىلابىي گۇرۇپپا تەشكىللىگەن. 1921-يىلى موڭغۇل خەلق پارتىيىسى بىلەن موڭغۇل خەلق ئارمىيىسىنى قۇرۇپ، موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1921 — 1923-يىللىرى ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى قوشۇمچە خەلق ئارمىيىسى باش قوماندانى بولغان. 1923-يىلى 2-ئايدا دۈشمەنلەر تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. 

سودېت ۋەقەسى

  • سودېت ۋەقەسى[يەشمىسى:] 1938-يىلى فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ چېخوسلوۋاكىيىنىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىدىكى سودېت رايونىنى بېسىۋېلىش ۋەقەسى. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، سودېتنى بېسىۋېلىش ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ پۈتكۈل چېخوسلوۋاكىيىنى بېسىۋېلىش مەقسىتىدە، سودېتتىكى گېرمان پارتىيىسى (ناتسىستلار) نى سودېت «ئاپتونومىيە» سىنى پىلانلاپ چىقىشقا ئۈزلۈكسىز قۇتراتقان. ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيىنىڭ كېڭەيمىچىلىك قىلىشىغا يول قويۇپ، ئۇرۇش ئاپىتىنى شەرققە باشلاپ قويۇپ، 1938-يىلى 9-ئايدا گېرمانىيە، ئىتالىيە بىلەن «ميۇنخېن كېلىشىمى» ئىمزالاپ، گېرمانىيىنىڭ سودېتنى (كۆلىمى 28 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى تەخمىنەن 3 مىليون 600 مىڭ كىشى) يۇتۇۋېلىشنى ئېتىراپ قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇ رايون چېخوسلوۋاكىيىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن. بۇ يەردىكى گېرمانلار گېرمانىيىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن. 

سودېربلوم

  • سودېربلوم[يەشمىسى:] (Nathan Soderblom، 1866 — 1931)، شۋېتسىيىلىك تېنولوگ، دىنىي تارىخشۇناس. ترېننودىكى بىر پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1883-يىلى ئۇپسالا داشۆسىگە كىرىپ، گرېك تىلى، ئېبرىي تىلى (يەھۇدىي تىلى)، ئەرەب تىلى ۋە لاتىن تىلىنى ئۆگەنگەن. ماگىستېرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. 1901 — 1914-يىللاردا ئۇپسالا داشۆسى ۋە لېيپسىگ داشۆسىنىڭ دىن تارىخى پروفېسسورى بولغان. 1914-يىلى 5-ئايدا شۋېتسىيىنىڭ مەملىكەتلىك ئارخېئېپىسكوپلۇقىغا تەيىنلەنگەن. ئۆمۈر بويى دىن ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، دىننىڭ مەقسىتى، تارىخى ۋە شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى ئەللەردىكى خرىستىئان چېركاۋلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، 1925-يىلى پۈتكۈل خرىستىئان دىنى يىغىنىنى ئاچقان. 1930-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ، مۇھىملىرى «ۋەھىدىن»، «كاتولىك دىنى بىلەن پروتېستانت دىنىدىكى دىنىي مەسىلىلەر»، «خۇداغا ئېتىقاد قىلىشنىڭ شەكىللىنىشى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

سورېل

  • سورېل[يەشمىسى:] (Albert Sorel، 1842 — 1906) فرانسىيىلىك تارىخشۇناس. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئىشلىگەن. 1872-يىلدىن باشلاپ سىياسىي ئىلمىي تەتقىقات يۇرتىدا دىپلوماتىيە تارىخىدىن دەرس بەرگەن. 1889-يىلى ئېتىكا ۋە پولېتىكا پەنلىرى ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان، 1893-يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلانغان. ئۇنىڭ «ياۋروپا ۋە فرانسىيە ئىنقىلابى» دېگەن سەككىز توملۇق ئەسىرى بولۇپ، قۇرۇلمىسىنىڭ چىڭلىقى، ماتېرىيالىنىڭ تولۇقلۇقى، قەلىمىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن دۇنياغا داڭق چىقارغان. لېكىن ئۇنىڭدا ناپولېئون ئىززەتلەنگەن، فرانسىيىنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە سىرتقا قاراتقان كېڭەيمىچىلىكى پەردازلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا «پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىدىكى دىپلوماتىيە تارىخى»، «ⅩⅧ ئەسىردىكى شەرق مەسىلىسى» دېگەنگە ئوخشاش ئەسەرلىرى بار. 

سورىياۋارمانⅡ

  • سورىياۋارمانⅡ[يەشمىسى:] (Surya Varman،؟ — 1150) چېنلا ئاڭكور خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى(1113—1150). ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىدە دۆلەت قۇدرەت تېپىپ، 1116-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا ئەلچى ئەۋەتىپ، مۇناسىۋەت ئورناتقان. قوشنىسى ۋيېتنامغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان. 1128-يىلى ساۋانناكىت (ھازىرقى لائۇسقا تەۋە) ئارقىلىق نىگىئەنگە ھەربىي يۈرۈش قىلىپ مەغلۇپ بولغان، ئۇزاق ئۆتمەي يەنە فلوتىنىئەۋەتىپ ھۇجۇم قىلىپ، نەتىجە چىقمىغان. 1145-يىلى كامپاپۇرانىڭ مەركىزىي ۋىجايا (Vijaya، ھازىرقى ۋيېتنامنىڭ پىڭدىڭ) نى بېسىۋالغان.1149-يىلى كامپاپۇرا بەگلىكى ئەسلىگە كەلگەن. ئىككىنچى يىلى يەنە بىر قېتىم ئەسكەر تارتىپ تاجاۋۇز قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا ئۆلگەن. ۋىشنۇزم دىنىغا چوقۇنغان. بىناكارلىق ئىشلىرىغا ھەۋەس قىلغان. ئۇ، بەرپا قىلغان باندىچما ئىبادەتخانىسى بىلەن ئاڭكور ئۆڭكۈرلىرى كامبودژانىڭ داڭلىق قەدىمىي يادىكارلىقلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

سوساي

  • سوساي[يەشمىسى:] (1141 — 1215) ياپونىيە بۇددا دىنى لىنجى مەزھىپىنىڭ پېشۋاسى. بىچۇ (ئوكاياما ناھىيىسى) نىڭ يوشى خىبىزۇ دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. ئىسمى مىڭ يەن، تەخەللۇسى يى شاڭفاڭ. كىچىك چېغىدا ئەنياڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرگەن، كېيىن يەنە بىرۇيشەن تېغىغا چىقىپ تيەنتەي مەزھىپىنى ئۆگەنگەن. 1168-يىلى (ياپونىيە رېن يوسىنىڭ 3-يىلى، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى گەنداۋنىڭ 4-يىلى) 4-ئايدا جۇڭگوغا كەلگەن ۋە تيەن تەيشەن، يۇۋاڭشەن تاغلىرىغا چىقىپ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى ئۆگەنگەن. 9-ئايدا ياپونىيىگە قايتىپ كەلگەن ۋە تيەن تەيشەننىڭ ئوتتۇز پارچىدىن ئوشۇق شەرھلىرىنى ئالغاچ كېتىپ، قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن. كېيىن تيەن تەيزوڭ مەزھىپىنى قايتىدىن روناق تاپتۇرۇشتا، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى ئىگىلىۋېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلغان. 1187-يىلى (ياپونىيە بۇنجىنىڭ 3-يىلى، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى چۈنشىنىڭ 14-يىلى) يەنە جۇڭگوغا كەلگەن. تيەن تەيشەن تېغىدا لىنجى مەزھىپى خۇاڭلوڭ ئېقىمىدىكى شۈيئەننىڭ قېشىغا بېرىپ، لىنجى ئېتىكاپتا ئولتۇرغان. شۈيئەنگە ئەگىشىپ تيەنتوڭشەن تېغىغا كەلگەن. 1191-يىلى ياپونىيىگە قايتقان. كيۇتودىكى شيۇەن ئىبادەتخانىسىدا دىن تارقاتقان. 1193-يىلى راھىب لياڭبيەن تەرىپىدىن پاش قىلىنغان، ئۇ «راھىب بولۇش پروگراممىسى» نى يېزىپ چىقىپ، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش بىلەن تيەن تەيزۇڭ مەزھىپىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاقلىغان. 1198-يىلى «ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى روناق تاپتۇرۇپ دۆلەتنى قوغداش توغرىسىدا» ناملىق كىتاب يازغان. 1199-يىلى مىكورا كېنسېيفو ئىبادەتخانىسىغا بارغان.1202-يىلى كيوتودا كېنرېن ئىبادەتخانىسىنى قۇرۇپ، جىنيەنيۇەن ۋە جىگۇەنيۇەن تەسىس قىلغان. تيەنتەي مەزھىپى، جىنيەن مەزھىپى، شەنزۇڭ مەزھىپىدىن ئىبارەت ئۈچ مەزھەپنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرغان. بۇددا دىنىنى گۈللەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1206-يىلى خىگاشى ياما ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ بۇ ئىبادەتخانىنى گۈللەندۈرۈشكە پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلغان. كىتابلىرىدا تاڭ سۇلالىسىدىكى ئەدىبلەرنىڭ ئۇسلۇبى كۆرۈنەرلىك بولغان. دۆلىتىگە قايتاشىدا چاي ۋە چاي ئىچىش ئۇسۇلىنى ئېلىپ كەتكەن. «چاي ئىچىپ بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش خاتىرىسى» دېگەن كىتاب يازغان. 

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى

  • سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، جاھانگىرلارنىڭ سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان بىۋاسىتە قوراللىق ھۇجۇمىدىن باشقا بارلىق دۈشمەنلىك پائالىيىتى ئومۇملاشتۇرۇپ «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان. 1946-يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكا بۇرژۇئا سىياسىي ئوبزورچىسى ھېربېرت سوۋپ ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بارۇك (Bernard Mannes Baruch، 1870 — 1965) غا يېزىپ بەرگەن بىر پارچە نۇتۇق ئورىگىنالىدا تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان، ئۇنىڭدا ئامېرىكا «قاتتىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئىچىدە» تۇرماقتا، دېيىلگەن. شۇ يىلى ئەنگلىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى چېرچىل ئېلان قىلغان فولتون نۇتقى ۋە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترومىننىڭ ئىككىنچى يىلى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى خېتى، ئۇرۇشتىن كېيىن جاھانگىرلىك بولۇپمۇ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 1949-يىلى 9-ئايدا، ئامېرىكا بۇرژۇئا سىياسىي ئوبزورچى لىپمان ئۆزىنىڭ «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى) سەرلەۋھىلىك كىتابچىسىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» نى تەرغىپ قىلىدىغان بىر يۈرۈش ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دېگەن بۇ ئىبارە كەڭ دائىرىدە تارقىلىشقا باشلىغان. 

سوغدىيانا

  • سوغدىيانا[يەشمىسى:] (Sogdiana) ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى يەر نامى. ئامو دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى ئارىلىقىدىكى ماۋرا ئۇننەھىر ۋادىسى (ھازىرقى تاجىكىستان بىلەن ئۆزبېكىستان چېگرىسى ئىچىدە) غا جايلاشقان. بۇ «ئاۋستا» ۋە «بېخسىتۇن قىيا تاش ئويما يېزىقى» دا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا) تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ ئاھالىسى ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىغا كىرىدىغان شەرقىي ئىران تىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئاساسەن دېھقان-چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە سىنىپىي جەمئىيەت ۋە دۆلەت (سوغدى) شەكىللەنگەن، تەخمىنەن شۇ ۋاقىتلاردا پېرسىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان (ئۆلكە قۇرۇلغان). مىلادىدىن 329 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيە پادىشاھى ئالېكساندرنىڭ زور قوشۇنى ئىشغال قىلىۋالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىردىن كېيىن، كەينى-كەينىدىن سېلېئوكوس، باكترىيە، كۇشان بەگلىكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان. جۇڭگونىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىدىمۇ «سوغدى» ياكى «كانگىيە» دەپ ئاتالغان.

سوغدى

  • سوغدى[يەشمىسى:] (Sogd) ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت. ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەريا ئارىسىدىكى ماۋرائۇننەھر ۋادىسى (يەنى سوغدىيانا رايونى، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان رېسپوبلىكىلىرىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە)غا جايلاشقان بولۇپ، ئاھالىسى ھىندىستان-ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ شەرقىي ئىران تىلى تىل تۈركۈمىنىڭ بىر تارمىقىغا كىرىدۇ، ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرگىچە سىنىپىي جەمئىيەت ۋە دۆلەت شەكىللىنىپ، ماراكاندا (ھازىرقى سەمەرقەند)نى پايتەخت قىلغان. مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە پېرسىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنىپ، ئۇنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. مىلادىدىن 329 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيە شاھى ئالېكساندر (ئىسكەندەر زۇلقەرنەين) نىڭ قوشۇنى تاجاۋۇز قىلىپ، ماراكاندانى ئىشغال قىلغان، يەرلىك ئاھالە سپىتامېنېسنىڭ رەھبەرلىكىدە قەيسەرلىك بىلەن زەربە بەرگەن. كېيىن سېلېئۇكىيە، باستېرىيە، كۇشان پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرغان. سوغدىلار جۇڭگو بىلەن (خەن سۇلالىسىدىن كېيىن) زىچ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ئالاقىدە بولغان، جۇڭگونىڭ تارىخ كىتابلىرىدا ئۇنى كانجۇت (كانكىيە) دەپمۇ ئاتىغان.

سوفىستلار

  • سوفىستلار[يەشمىسى:] گرېكچە Sophistes، ئىنگلىزچە Sophists، ئەسلى مەنىسى «ئەقىللىق كىشى» بولۇپ، دانىشمەنلەر ياكى سۇخەنچىلەر دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. قەدىمكى يوناندىكى بىلىم بېرىشنى كەسىپ قىلغان بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلار ۋە پەيلاسوپلارنى كۆرسىتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەۋج ئېلىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردە بارا-بارا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. سوفىستلار جايلاردا ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئاساسەن مۇنازىرىلىشىش سەنئىتى، ئېتىكا، گرامماتىكا ۋە ستىلىستىكا قاتارلىقلارنى ئۆگىتىپ، سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغان ياشلارنى تەربىيىلىگەن ۋە ئوقۇش پۇلى ئالغان (ئاتاقلىق سوفستلارنىڭ ئوقۇش پۇلى ناھايىتى يۇقىرى بولغان). ئۇلار بىرلىككە كەلگەن ئىلمىي ئېقىم ئەمەس، دەۋر ئېھتىياجىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بىر خىل ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمى دېگىلىمۇ بولمايدۇ؛ ئەنئەنىۋى شەيئىلەرگە نىسبەتەن گۇمانلىنىش، ئىنكار قىلىشقا مايىل بولۇپ، مەلۇم بىر خىل مەنچىلىكنى ئىپادىلىگەن. مەسىلەن: دەسلەپكى مەزگىلدىكى ۋەكىلى پروتاگوراس ئوتتۇرىغا قويغان «ئادەم كائىناتنىڭ ئۆلچىمى»، گورگاس ئوتتۇرىغا قويغان شۈبھىچىلىكنىڭ ئۈچ قائىدىسى قاتارلىقلار. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، سوفستلار ماددىي دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان، ئەمما كۆپ ھاللاردا شەخسنىڭ سەزگۈسىنى شەيئىلەرگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۆلچىمى قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئوبيېكتىپ ھەقىقەتنى يوققا چىقىرىپ، سۇبيېكتىپچىلىق ۋە نىسپىيچىلىك يەكۈنى چىقىرىشقا يېتىپ بارغان. سىياسىي جەھەتتە بەزىلىرى دېموكراتىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە مايىل بولغان، بەزىلىرى «كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يېيىش» مەنتىقىسىنى ئاشكارا تەرغىپ قىلغان ت-راسماخوس (Thrasymachos) «ئادا- لەت — كۈچلۈكلەرنىڭ مەنپەئىتى» دېگەن؛ كاللىكلېس (Callicles) «كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارغا قارىغاندا كۆپ نەرسىگە ئېرىشىشى» نىڭ ئۆزى ئادالەتتۇر دېگەن ھەمدە قانۇن تۈزۈش ئاجىزلارنىڭ كۈچلۈكلەرنى چۈشەپ قويۇشتىكى بىر خىل ۋاسىتىسى، دەپ قارىغان؛ ئۇلار «زوراۋانلىق — ھەقىقەتتۇر» نى ئەڭ بالدۇر ئاقلاپ چىققان. ئەمما لىكوفرون (Lycophron) قانۇن «ئادالەتكە كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر خىل كېلىشىم» دېگەننى تەشەببۇس قىلغان، بۇ بەلكىم ئەڭ بالدۇرقى قانۇن كېلىشىم تەلىماتى بولۇشى مۇمكىن. بەزى سوفىستلار ئىلاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن گۇمانلانغان. بەزىلىرى ھەتتا قۇلدارلارنىڭ قۇللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى «تەبىئەتكە خىلاپ»، شۇڭا ئادىللىق ئەمەس، دەپ كېسىپ ئېيتقان. Sophistes دېگەن سۆزنىڭ دەسلەپتە سەلبىي مەنىسى بولمىغان، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى شەيئىلەرنى تەنقىد قىلىشى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاشقا پايدىسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، پلاتون ۋە ئارىستوتېل قاتارلىقلارنىڭ قارشى چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇپ،ئۇلار بەزى سوفىستلارنى«بىلىم سودىگەرلىرى»، چى-رايلىق گەپلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ماھىر بولسىمۇ، ھەقىقەت بىلەن كارى بولمايدۇ دەپ سۆككەن. شۇڭا بۇ سۆز كېيىن «سۆز يورغىلاتقۇچىلار» غا ئۆزگىرىپ كەتكەن. سوفىستلار پىكىر ئېقىمىنىڭ ئەقلىيچىلىك تەرىپىمۇ بار، ئۇلار ئەنئەنىۋى نوپۇزغا يۆلەنمىگەن، بەلكى بارلىق ئىجتىمائىي ھادىسىلەر، جۈملىدىن ئەخلاقنىڭمۇ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى ئۆزى ئىسپاتلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار غەربنىڭ ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىدىكى پېشۋالار دەپ قارىلىدىكەن.

سوفىيە چېركاۋى ۋەقەسى

  • سوفىيە چېركاۋى ۋەقەسى[يەشمىسى:] 1925-يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنى بۇلغارىيىدە سوفىيە چېركاۋىدا يۈز بەرگەن فاشىستلارغا قارشى پارتلىتىش ۋەقەسى. مەملىكەت ئىچىدە قالغان بەزى بۇلغارىيە كومپارتىيىسى رەھبەرلىرى شۇ چاغدا مەيدانغا كەلگەن كاپىتالىزمنىڭ ۋاقىتلىق ۋە قىسمەن مۇقىم ئەھۋالىنى تونۇپ يەتمىگەنلىكتىن، پارتىيىنىڭ توغرا لۇشيەنىگە خىلاپلىق قىلىپ قوزغىغان. ئۇلار سانكوۋ (Александр Цанков، 9591 - 9781) ھۆكۈمىتى مىنىستىرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە سىياسىي ئەربابلار مۇشۇ چېركاۋغا يىغىلىپ گېنېرال گېئورگېۋنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا قاتنىشىشىدىن پايدىلىنىپ، تۇيۇقسىز پارتلاتقان. لېكىن سانكوۋ ۋە ئۇنىڭ باشقا نۇرغۇن ۋەزىرلىرى يارىلانمىغان. ھۆكۈمەت مۇشۇنى باھانە قىلىپ، مەملىكەت بويىچە جىددىي ھالەت جاكارلىغان ھەمدە تېررورلۇق تەدبىرلىرىنى قوللانغان، مىڭلىغان كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە فاشىستلارغا ئاكتىپ قارشى تۇرۇۋاتقان باشقا جەڭچىلەر ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ قېتىمقى چوڭ قىرغىنچىلىق ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئىلغار زاتلار ئارىسىدا كەڭ قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

سولچى سوتسىيالىستلار ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ توپىلىڭى

  • سولچى سوتسىيالىستلار ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ توپىلىڭى[يەشمىسى:] 1918-يىلى 7-ئايدا موسكۋادا يۈز بەرگەن ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭ. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، باي دېھقانلار مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى «سولچى» سوتسىيالىستلار ئىنقىلابىي پارتىيىسى بولشېۋىكلارنىڭ ئاشلىقىنى كونترول قىلىش قاتارلىق سىياسەتلىرىگە كۈنسېرى نارازى بولۇپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش قەستىدە بولغان. 1918-يىل 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، گېرمانىيىنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى مىربافنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچراش ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ سوۋېت روسىيىسىگە ھۇجۇم قىلىشنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە توپىلاڭ كۆتۈرگەن، پۈتۈن روسىيە ئەكسىلئىنقىلابچىلارغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى دزېرژىنىسكى بىلەن موسكۋا سوۋېتىنىڭ رەئىسى سىمىدوۋىچ(П·Г·Смидович)نى تۇتقۇن قىلغان ھەمدە مەركىزىي تېلېگراف ئىدارىسى، بوكروۋىسكى ھەربىي لاگېرىنى ئىشغال قىلىپ، كېرىمىل سارىيىنى توپقا تۇتقان. پايتەختتىكى ئارمىيە ۋە خەلق لېنىن باشچىلىقىدىكى روسىيە كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە توپىلاڭنى تېزدىن بېسىقتۇرغان. 13 نەپەر باش جىنايەتچى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئېتىپ تاشلانغان. 

سولچى كوممۇنىزمچىلار گۇرۇھى

  • سولچى كوممۇنىزمچىلار گۇرۇھى[يەشمىسى:] 1918-يىلىنىڭ باشلىرىدا «برېست شەرتنامىسى» نى ئىمزالاش مەسىلىسىدە روسىيە كوممۇنىستلار (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى ئىچىدە شەكىللەنگەن «سول» چىل ئۆكتىچىلەر گۇرۇھى. بۇخارىن، بۇرىنوۋ، لاموۋ (А.Ламов). ئوشىنىسكى (Н.Осинский) قاتارلىق كىشىلەرنى يادرو قىلغان بولۇپ، بىر مەزگىل موسكۋا، پېتېربۇرگ ۋە ئورالدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كونترول قىلىۋېلىپ، ئۆزلىرىنى «سولچى كوممۇنىزمچىلار» دەپ ئاتاشقان. «ئىنقىلابىي ئۇرۇش» ئارقىلىق «دۇنيا بۇرژۇئازىيىسى» گە قارشى تۇرۇپ، ھەرقايسى ئەللەر ئىنقىلابىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نەزەرىيە پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان سوۋېت دۆلىتىنى گېرمانىيە بىلەن ئۇرۇش قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تروتىسكىنىڭ سۆھبەتلىشىش مەيدانىنى قوللاپ، لېنىن ئوتتۇرىغا قويغان گېرمانىيە بىلەن «برېست سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاش سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. سۈلھ شەرتنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن، شەرتنامىنى بۇزۇشقا ئاشكارا قۇتراتقۇلۇق قىلغان. شۇ يىلى 4-ئايدا «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت پروگراممىسى» نى ئېلان قىلىپ، ئىچكى سىياسەتتە، ئۆتكۈنچى دەۋرنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىنكار قىلغان. تەنقىدلەنگەندىن كېيىن، شۇ يىلى ياز پەسلىنىڭ ئاخىرلىرىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر خاتالىقىنى تونۇپ، گۇرۇھۋازلىق ھەرىكەتلىرىنى توختاتقان. 

سولچىل ئاغمىچىلىق

  • سولچىل ئاغمىچىلىق[يەشمىسى:] «ئاغمىچىلىق» قا قارالسۇن. 

سولف

  • سولف[يەشمىسى:] يەنى «ۋىلھېلم سولف».

سولفىرىنو جېڭى

  • سولفىرىنو جېڭى[يەشمىسى:] فرانسىيە بىلەن ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئاۋسترىيىگە قاراتقان ئۇرۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ بىرى. 1859-يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاۋست-رىيە قوشۇنى ماگېنتا جېڭىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، مىنكيو (Mincio) دەرياسىغا قاراپ چېكىنگەن. 6-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاۋسترىيە بىرىنچى، ئىككىنچى جۈندىن تەخمىنەن 147 مىڭ ئەسكەر لومباردىيىدىكى گاردا (Garda) دەرياسىنىڭ جەنۇبىي رايونىدا ھۇجۇم قوزغاپ، سولفىرىنو (Solferino) قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلغان. فرانسىيە-ساردىن بىرلەشمە ئارمىيىسىدىن تەخمىنەن 140 مىڭ ئەسكەر 24-كۈنى ئەتىگەندە مىنچۇ دەرياسى رايونىغا يۆتكەلگەن. يولدا دۈشمەن تەرەپ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. بىرلەشمە ئارمىيە سۇلفىرىنو رايونىدا ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنى يەڭگەن. شۇ كۈنى كەچتە ئاۋسترىيە ئارمىيىسى چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان، ئىككى تەرەپتىن ئون مىڭ كىشى تالاپەتكە ئۇچرىغان. كېيىن فرانسىيە ئىتتىپاقداش دۆلەتتىن يوشۇرۇن ھالدا ئۆزئالدىغا ئاۋسترىيىگە ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى قويغان. 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى ۋېنافېلاندا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. 

سول قاناتلار ئىتتىپاقى

  • سول قاناتلار ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] فرانسىيىدىكى سول قانات پارتىيىلەرنىڭ ئىتتىپاقى. 1924-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ۋە جۇمھۇرىيەتچى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىرلىشىپ قۇرغان. شۇ يىلى پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھېررىئوت، پارئىنلېۋې، برىئاندلار كابىنېت تەشكىللىگەن. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە، 1924-يىلى رۇردىن چېكىنىپ چىققان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. ماراكەشكە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى داۋاملىق ئېلىپ بارغان ۋە سۈرىيىگە قارىتا مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشى قوزغىغان. 1925-يىلى «لوكارنو ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالىغان. ئىچكى جەھەتتە ئوتتۇرا ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، چېركاۋنىڭ ئىمتىيازىغا قارشى تۇرغان، 1905-يىلىدىكى چېركاۋ بىلەن دۆلەتنى ئايرىش بۇيرۇقىنى يولغا قويغان؛ لېكىن ئىقتىسادىي سىياسەتتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، مەملىكەت ئىچىدە پۇل پاخاللىقى كېلىپ چىقىپ، فرانكنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كەتكەن. 1926-يىلى 7-ئايدا، ھېررىئوتنىڭ ئىككىنچى كابىنېتى نائىلاج ئىستېپا بەرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن سول قاناتلار ئىتتىپاقى تەدرىجىي پارچىلىنىپ كەتكەن. 

سوكرات

  • سوكرات[يەشمىسى:] (Sokrates ياكى Socrates مىلادىدىن ئىلگىرى 993 - 964) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. ئافىنادا تۇغۇلغان. ئاتىسى ھەيكەلتىراش، ئاپىسى ئاكوشىركا، ئايالى كىسانتىپې (Xanthippe). ئايال دانىشمەن دىئوتىما (Diotima) دىن تەلىم ئالغان. ئۇ ماڭا دائىم «غايىپ ئاۋاز» ھەمراھ بولۇپ تۇرىدۇ، قايسى ئىشنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، دەۋالغان. ئۆمۈر بويى شۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان. ئوروپىزم (Oropism) ۋە پىفاگۇر ئېقىمىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. ياش ۋاقتىدا ھەيكەلتىراشلىق ھۈنىرىنى ئۆگەنگەن، كېيىن بۇنى تاشلاپ ئېتىكا، پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، «ئۆزىنى بىلىش» ئىنسانىيەتنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك بۇرچى، دېگەندە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ھاياتى توغرىسىدا كىشىلەرنىڭ بىلىدىغانلىرى ئاز. پېلوپوننېس ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سەھنىدە قويۇلغان(مىلادىدىن 423 يىل ئىلگىرى) ئارىستوپاننىڭ «بۇلۇت» ناملىق درامىسىدا سوكراتنى «ئىدىيە دۇكىنى» ئاچقان سوفىست قىلىپ تەسۋىرلىگەن، بۇنىڭدىن ئەينى زاماندا ئۇنىڭ داڭقى چىققانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، دېلفىلىق خۇدا ئاپوللون بۇ دۇنياغا ئەمدى سوكراتتىن ئەقىللىق ئادەم كەلمەيدۇ دەپ ئېيتقانمىش. ئۇ ئىقتىسادچىل بولۇپ، شاگىرت ئالغان بولسىمۇ لېكىن ئوقۇش راسخوتى ئالمىغان. داۋاملىق ئافىنا كوچىلىرىدا كىشىلەر بىلەن ئادالەت، باتۇرلۇق، ئەخلاق، ئۆزىنى بىلىش، چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشقان. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى بۇ ھەقتە ئومۇمىي ئۇقۇمنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇنى بەلگىلەپ بېكىتىشتىن ئىبارەت. دانىشمەنچىلەرنىڭ مەنچىللىق ۋە سىككېپتىنىسىزم (گۇمانخورلۇق) غا قارشى چىقىپ، ھەقىقەت ئۆزىنىڭ ئوبيېكتىپ ئۆلچىمىگە ئىگە بولۇشى كېرەك دەپ ھېسابلىغان، ئۆزى بىلەن سۆزلىشىۋاتقان كىشىگە، ھەربىر زىددىيەتنى ئېچىپ بېرىش، سۈرۈشتۈرۈش بىلەن يەتمەكچى بولغان نەتىجىگە ئېرىشىشكە يېتەكلىگەن؛ بۇ خىل ئۇسۇل سوكرات مەسخىرىسى ياكى قايتۇرۇپ سوراش ئۇسۇلى دەپ ئاتالغان. ئۇ يەنە ئەخلاق — بىلىم دېمەكلىك، بىلىملىك بولغاندا ئەخلاقلىق بولغىلى بولىدۇ دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. سوكرات روھ ئۆلمەيدۇ ۋە روھ تەكرار ئايلىنىپ تۇرىدۇ دېگەننى تەرغىپ قىلغان. ئۇنىڭ ئۇقۇم دېگىنى ماھىيەتتە كونكرېت شەيئىلەردىن چىقىرىلغان ئۇقۇم بولماستىن بەلكى كونكرېت شەيئىلەر ئۇقۇم (روھنىڭ ئۆزىدىكى ئەسلىدىن بار بولغان نەرسە) دىن كەلگەن؛ كىشىلەرنىڭ ئېرىشكەن تونۇشى، يەنى بىلىمى پەقەت بۇ خىل ئۇقۇمنىڭ ئەسلىمىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس دېگەنلىكتىن ئىبارەت. بۇ غەربنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى بىر خىل ئىدېئالىستىك تىرانسىندېنتالىزم (ئەزەلىلىك نەزەرىيىسى) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سوكرات ئەمگەكچى ئاممىغا سەل قاراپ، بىلىملىك، ئەخلاقلىق بولغان ئاز سانلىق كىشىلەر دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. دېموكراتىيە تۈزۈمى بولۇپمۇ ئافىنانىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى رادىكال دېموكراتچىلىرىغا جېنىنىڭ بارىچە ھۇجۇم قىلغان. ئانيىتۇس (Anytus) باشچىلىقىدىكى دېموكراتلار سوكراتنى ئىككى تۈرلۈك گۇناھ يەنى: بىرى، ھۆكۈمەت دىنىغا ئىشەنمەي ئۆز ئالدىغا يېڭى ئىلاھ (ئۇنىڭ «روھ» دېگىنىنى) تىكلىمەكچى، ئىككىنچىسى، ياشلارنى بۇلغىدى دەپ بەتنام چاپلاپ ئەرز قىلغان. سوتتا گەرچە ئۇ ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۆلۈم جازاسى (ئوغا ئىچكۈزۈپ ئۆلتۈرۈش) غا ھۆكۈم قىلغان. ئۇنىڭ لوگىكا ئىلمىگە قوشقان تۆھپىسى — تۇنجى بولۇپ ئىخچاملاش ۋە تەبىر بېرىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سوكرات ئۆزى ئەسەر يېزىپ قالدۇرۇپ كەتمىگەن، ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئاساسەن ئەپلاتون، كىسېنونونت قاتارلىق شاگىرىتلىرىنىڭ خاتىرىلىرىدىن كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ ئەپلاتوننىڭ نۇرغۇن «دىئالوگ» لىرىدىكى ئاساسىي پېرسوناژ بولغان. ئۇنىڭ ئىدىيە ۋە سۆز-ھەرىكىتىمۇ ئەپلاتون قاتارلىق كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە غەرب پەلسەپە تارىخىدىن مۇئەييەن ئورۇن ئالغان. 

سوكودو پادىشاھلىقى

  • سوكودو پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] غەربىي ئافرىقىدىكى فېئوداللىق دۆلەت. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فولىبىي مىللىتىدىن بولغان ئوسمان دان فودىئو ئۆز مىللىتى ۋە خائۇسا مىللىتىدىن بولغان قۇللار ۋە نامراتلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، خائۇسا شەھەر شتاتى ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىسلام دۆلىتى قۇرغان. سۇيۇرغال بەلگىلەپ، ھاشار تۈزۈمىنى يولغا قويغان. 1809-يىلى ئىككى سۇلتانلىققا بۆلۈنگەن: سوكودو (Sokodo) غا ئوغلى مۇھەممەد بېللو(Mohammed Bello، 7381 - ?) ھۆكۈمرانلىق قىلغان؛ گۇۋاندو (Gwandu ياكى Gando) غا ئىنىسى ئابدۇللاھى (Abdolahi، 9281 - ?) ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1831-يىلى ئىككى دۆلەت بىرلەشتۈرۈلگەن. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگلىيە تەسىر دائىرىلىرى كىرىپ، 1885-يىلى بىر قىسىم ئىگىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان. 1903-يىلى ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ھەمدە ئەنگلىيىگە قارام بولغان شىمالىي نېگىرىيىنىڭ ھامىيلىقىغا ئېلىنغان. 1906-يىلى ئەنگلىيىگە قارشى چوڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، باستۇرۇش بىلەن مەغلۇپ بولغان. 

سوگا جەمەتى

  • سوگا جەمەتى[يەشمىسى:] قەدىمكى ياپونىيىدىكى چوڭ تۆرە جەمەتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە ھىكادو تاكاموتونىڭ چەۋرىسى تاكىئوچى سۇكوننىڭ ئەۋلادى ئىكەن. «ئەئيان» دەپ ئاتالغان. يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقسۆڭەك. ئوجېكا سۇلالىسى دەۋرىدە، سوگامىتسونو مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ كەلگەن. نوبۇگا دەۋرىدە، سوگا ئىنائو (075 -?) ۋەزىر بولۇپ، ئىككىنچى قىزىنى تېننو كىنمېيىغا ياتلىق قىلغان، ئۇنىڭدىن بولغان يومېي، سۇشۇن، سۇئىكودىن ئىبارەت ئۈچ پەرزەنتى تېننو بولغان. بۇ جەمەتتىكىلەر جۇڭگو مەدەنىيىتىنى پائال تۈردە قوبۇل قىلىپ، بۇددىزمنى ياپونىيىگە كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. مىلادى 587-يىلى، سوگا ئۇماكو (626 - ?) خان جەمەتى ۋە باشقا ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى بىلەن بىرلىشىپ، كونا رەقىبى مونونوبې مورىفوسانى مەغلۇپ قىلغان. 592-يىلى، سۇشۇننى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈپ، ئورنىغا سۇئىكونى ئايال تېننو قىلىپ تىكلىگەن. ئىككىنچى يىلى شاھزادە شوتوكۇ نائىب بولۇپ، ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلغان. سوگائاينو ئىتوگوچىمېنى تېننو قىلىپ تىكلىگەن. ئۇنىڭ ئوغلى ئىرۇكا ھاكىمىيەتنى ئۆز ئالدىغا تارتىۋالغان، 643-يىلى شاھزادە ياماشىرو ماسارونى يوقىتىپ، زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ كەلگەن. 645-يىلى شاھزادە ناكائونى ناكاتومى كاماتارىي قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئوردىدا سوگا ئىرۇكانى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. سوگا ئاينۇ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ جەمەت زور دەرىجىدە زەئىپلەشكەن. سوگا ئۇماكونىڭ شىرەم نەۋرىسى ئىسكاۋامارو (946 - ?) ئىرۇكا بىلەن ئارازلىشىپ قېلىپ، تايكا ئىسلاھاتىدىن كېيىن ئوڭ قول ۋەزىر بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەي تۆھمەتكە ئۇچراپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۇنىڭ ئىنىسى سوگا ئاكائى، پراجنا يارامىتا سۇلالىسىنىڭ سول قول ۋەزىرى بولۇپ، جىنشىن توپىلىڭى (672-يىل) دىن كېيىن پالاندى قىلىنغان. يەنە بىر ئىنىسى سوگاتسۇراكو كېيىن ئۆزىنى ئىسكاۋا جەمەتى دەپ ئاتىغان. 

سولمان

  • سولمان[يەشمىسى:] (August Sohlman، 4781 - 4281) شۋېتسىيە مۇخبىرى. 1857 -1874-يىللىرى شۋېتسىيە «كەچلىك گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. سىكاندىناۋىچىلىقتا چىڭ تۇرۇپ، شىمالىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ زىچ بىرلىشىشىنى تەشەببۇس قىلغان. دانىيىنىڭ گېرمانىيىنىڭ شلېسىۋېگىنى يۇتۇۋېلىشىغا قارشى تۇرۇشنى قوللىغان، لېكىن چوڭ شۋېتسىيىچىلىك ئىدىيىسى بولغانلىقتىن، فىنلاندىيىدىكى شۋېتلار فىنلاندىيىدىكى ھۆكۈمران مىللەت بولۇشى كېرەك دەپ قاراپ، فىنلاندىيىنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە قارشى تۇرغان. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا بىرقەدەر زور تەسىر كۆرسەتكەن.

سولوگۇب

  • سولوگۇب[يەشمىسى:] (фёдор Кузьмич Сологуб، 7291 - 3681) روس-ى- يىلىك يازغۇچى، سىمۋولچىلار ۋەكىلى. ئەسلى ئىسمى فيودور كۇزمى-چ تېتېرنىكوۋ (федор Кузьмич Тетерников). ماشنىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سىفەن شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇزاققىچە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1884-يىلدىن باشلاپ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. «پاتىسان»، «ئۆلۈكنىڭ سېھرىي كۈچى» قاتارلىق رومانلىرى بار، شۇنىڭدەك شېئىر ۋە سەھنە ئەسەرلىرىمۇ بار. ئەسەرلىرى چۈشكۈنلۈك كەيپىياتى بىلەن تولغان، رېئاللىقتىن ئايرىلىشنى تەشۋىق قىلغان. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىنى ھىمايە قىلغان، لېكىن ئۆكتەبر ئىنقىلابىغا قارىتا تونۇشى كەم بولغان. 

سولوموس

  • سولوموس[يەشمىسى:] (Dionyios Solomos، 7581 - 8971) گرېتسىيىلىك شائىر. زەنتىدا تۇغۇلغان، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمى كورفۇ ئارىلىدا ئۆتكەن ھەم گرېتسىيە خەلق شېئىرلىرى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ھەم كىرىتنىڭ گۈزەل شېئىرلىرىنىڭ جەۋھىرىنى قوبۇل قىلغان، ئاممىباب تىلنى، تۈرلۈك ھېسسىياتلارنى ئىخچام، كۈچلۈك ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بەدىئىي قورال دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن. ئۇنىڭ «ئەركىنلىك كۈيى» نىڭ بېشىدىكى بىرنەچچە مىسراسى گرېتسىيە دۆلەت شېئىرى قىلىنغان. 

سولومون

  • سولومون[يەشمىسى:] (Solomon)ئىسرا- ئىلىيە-يەھۇدىي پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 039 - 069). پادىشاھ داۋىدنىڭ ئوغلى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاكىسى ئادونىيانى ئۆلتۈرۈپ تەختنى تارتىۋالغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە سودا-سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇپ تاشقى سودىنى كېڭەيتكەن؛ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىپ، 12 مەمۇرىي رايونغا بۆلۈپ، باج ئېلىش ۋە ئولپان ئېلىش تۈزۈمىنى ئورناتقان؛ دائىمىي ئارمىيىنى كۈچەيتىپ، جەڭ ھارۋىسى قوشۇنىنى تەييارلىغان؛ مىسىر فىرئەۋىنى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ھەمدە فىرئەۋىننىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئالغان؛ تىر پادىشاھى خىرام Ⅰ بىلەن سۈلھ تۈزۈشكەن، خىرام ئۇنىڭغا كۆپلىگەن كىپارىس دەرىخى بەرگەن، سولومون ئۇنىڭغا 20 شەھەر ئىنئام قىلغان. كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، ئېرۇسالىمنىڭ سىئون تېغىدىكى ھەشىمەتلىك ئوردا ۋە داڭلىق يەھۋا ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلارنى بىنا قىلدۇرغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر قەدىمكى ئىسرائىلىيە-يەھۇدىي پادىشاھلىقىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى دەپ ئاتالغان. «تەۋرات» تا سولومون مەدھىيىلىنىپ، دانا پادىشاھ دەپ تەرىپلەنگەن. 

سولون

  • سولون[يەشمىسى:] (Solon، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 955 - 836) قەدىمكى ئافىنا سىياسىئونى، شائىرى. يۇناندىكى «يەتتە دانا» نىڭ بىرى دەپ ئاتالغان. ئابرويلۇق ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. ئۇنىڭ دادىسى ئېكسېسېستىدې (Execestides) كىدېرو «شاھ» نىڭ ئەۋلادى، ئاپىسى پىسستراتۇ (كېيىن ترانست بولغان) نىڭ بىر نەۋرە ھاممىسى. ئائىلىسىنىڭ ھالى خاراب بولغانلىقتىن بىر مەھەل باشقا ئەللەرگە بېرىپ سودىگەرچىلىك قىلغان. ئافىنا بىلەن مېگارادىكى سالامى ئارىلىنى تارتىۋېلىش ئۇرۇشىدا خىزمەت كۆرسەتكەن (ھەسرەتلىك شېئىر «سالامىغا مەدھىيە» نى يازغان)، شۇنداقلا ئاددىي خەلقنىڭ ھالىغا ھېسداشلىق قىلىش بىلەن ئابروي قازانغان. ئاددىي خەلق بىلەن ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، مىلادىدىن 594 يىل ئىلگىرى باش ئارخۇن بولۇپ، سىياسىي ئىسلاھات(«سولون قانۇنى») نى يولغا قويغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: قەرزنى بىكار قىلىش ۋە قەرزدار قۇلنى مەنئى قىلىش (قەرزگە جىسمانىي جەھەتتىن ھۆددە قىلىشنى مەنئى قىلىش)، سېتىۋېلىنىپ چەت ئەلدە قۇل قىلىنىۋاتقانلارنى دۆلەت پۇل چىقىرىپ قايتۇرۇپ كېلىش («سېلىقتىن خالاس قىلىش بۇيرۇقى»)؛ دارامىتىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ پۇقرالارنى تۆت دەرىجىگە ئايرىش، ھەرقايسى دەرىجىنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى كېلىپ چىقىشىغا ئەمەس، بەلكى مالىيە كۈچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ بېكىتىش؛ دۆلەتنى باشقۇرىدىغان يېڭى ئاپپارات «400 كىشىلىك سىنتورىيە» ۋە «زاسېداتىللىق سوت» تەسىس قىلىپ، ئۇنى ئالىي ھاكىمىيەت ۋە ئەدلىيە ئورگىنى قىلىش ھەمدە پۇقرالار يىغىنىنىڭ ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاشلىقنى سىرتقا سېتىشنى مەنئى قىلىش، پۇل تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، سودا-سانائەتنى رىغبەتلەندۈرۈش، چەت بەگلىكلەرنىڭ ئۇستىلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ۋەسىيەت ئەركىنلىكى قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، «يەرنىڭ ئەڭ چوڭ چېكى قانۇنى» جاكارلانغان. ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئەنئەنىۋى ئۇرۇقداش ئاقسۆڭەك كۈچلىرىگە زەربە بەرگەن، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ھوقۇقىنى تارتىۋالغان، بۇ سودا-سانائەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا پايدىلىق بولغان. شۇنداقلا ئافىنادا قۇلدارلارنىڭ دېموكراتىك سىياسىيسىنى ئورنىتىش ئۈچۈن ئاساس سالغان. ئىسلاھات ئافىنادىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتنى ۋاقىتلىق پەسەيتكەن، لېكىن تۆۋەن قاتلامدىكى ئاددىي خەلقنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمىغان. سولون «بىر قالقان بىلەن ئىككى تەرەپ (كەمبەغەل بىلەن بايلار) نى قوغداش» ئويىدا بولۇپ، ئاخىرتاپا -تەنىدىن خالى بولالمىغان. ۋەكالەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، مىسىر، سىپىرۇس، كىچىك ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا ساياھەتكە چىققان. سولون مەرسىيە يېزىش بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇنىڭ مەرسىيىلىرى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە، ئۇ ئافىنانىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئەدەبىي ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭدىن پارچىلار ساقلانغان. 

سولوۋيوۋ

  • سولوۋيوۋ[يەشمىسى:] (Сергей Михайлович Соловьёв، 1820 - 1879) روسىيىلىك تارىخشۇناس. 1842-يىلى موسكۋا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1845-يىلىدىن باشلاپ موسكۋا داشۆسىدە روسىيە تارىخىدىن دەرس بەرگەن. 1847-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان، كېيىن موسكۋا داشۆسىدە پروفېسسور بولغان. 1872-يىلى پېتېربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلانغان. 7781 - 1781-يىللىرى موسكۋا داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغان. داشۆنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن خىزمىتىدىن بوشىتىلغان. موسكۋا روسىيە تارىخى ۋە قەدىمكى يادىكارلىقلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى «تەبىئىي» تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر پۈتۈن گەۋدە؛ روسىيە تارىخىنىڭ تەرەققىياتى ئاساسەن جەمئىيەتنىڭ ئىچكى تەرەققىياتىغا باغلىق دەپ قاراپ، روسىيە تارىخىنى ئاددىي ھالدا «نورمان دەۋرى» ياكى «تاتارلار دەۋرى» دەپ ئايرىيدىغان قاراشنى ئىنكار قىلغان؛ ⅩⅧ - ⅩⅦ ئەسىر ئارىلىقىدىكى پېترⅠ نىڭ ئىسلاھاتى روسىيە تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى، مۇشۇ دەۋردىن باشلاپ روسىيە «قەدىمكى زامان» دىن «يېقىنقى زامان» غا ئۆتكەن، يەنى «ياۋروپالىشىش» يولىغا ماڭغان، دەپ قارىغان، ئۇنىڭ كۆز قارىشى روسىيە تارىخشۇناسلىق تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ «قەدىمدىن بۇيانقى روسىيە تارىخى» دېگەن 29 توملۇق ئەسىرى ۋەكىللىك خاراكتېردىكى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

سولۇت مەدەنىيىتى

  • سولۇت مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] ياۋروپادىكى كونا تاش قوراللىرى دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئاۋرىگنا مەدەنىيىتى بىلەن ماگدلېنىيېن مەدەنىيىتى ئارىلىقىدىكى بىرخىل مەدەنىيەت. ئەڭ دەسلەپ فرانسىيىنىڭ لىئون ئەتراپىدىكى سولۇت (Solutre) تا تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. فرانسىيە ئارخېئولوگى مورتىللېت قاتارلىقلار بۇ يەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تاش قورال ياساش تېخنىكىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان. بېسىپ ياساش ئۇسۇلىنى ئىگىلىگەن. تىپىك تاش قوراللىرى ئىچىدە يوپۇرماق شەكلىدىكى ئۇچلۇق قوراللار ۋە ئۇششاق ئۇچلۇق قوراللار بار. ئۇچلۇق قوراللارنىڭ ئەسلى ماتېرىيالدىكى تاش بىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتردىن يۇقىرى بولۇپ، بۈگۈنگىچە مەلۇم بولغان. ئاجرىتىش تېخنىكىسى تولىمۇ ئۈستۈن بولغان، ئەڭ ئۇزۇن قورال ھېسابلىنىدۇ. تېپىلغان قوراللار ئىچىدە يەنە ئۇستىخان يىڭنە بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇستىخان قوراللار ۋە نەقىشلەر سىيلىق ئەمەس. 

سۇماترا كېلىشىمى

  • سۇماترا كېلىشىمى[يەشمىسى:] 1824-يىلى ئەنگلىيە بىلەن گوللاندىيە ئوتتۇرىسىدا مۇستەملىكە تەسىر دائىرىسى بۆلۈشۈۋېلىش كېلىشىمى. 1824-يىل 3-ئاينىڭ 17-كۈنى لوندوندا ئىمزالانغان. ئۇنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: (1) ئەنگلىيە گوللاندىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت قارشى تەرەپنىڭ مۇستەملىكىلىرىگە كىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئەڭ زور ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇش؛ (2) ئەنگلىيە، گوللاندىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتتىن ھەرقانداق بىر تەرەپ ئەگەر ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىدە ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرى ياكى كېمىلىرىگە قارىتا باج ئالماسلىقنى يولغا قويسا، قارشى تەرەپنىڭ پۇقرالىرى ياكى كېمىلىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنى 6% تىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك؛ ئەگەر ئۆز پۇقرالىرى ياكى كېمىلىرىدىن باج ئېلىشنى يولغا قويغان بولسا قارشى تەرەپتىن ئالىدىغان باجنى ئىككى ھەسسىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك؛ (3) گوللاندىيە ھىندىستاندىكى سودا سارايلىرىنى ئەنگلىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ (4) ئەنگلىيە سۇماترادىكى مۇستەملىكىلىرىنى گوللاندىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ (5) گوللاندىيە مالاككانى ئەنگلىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ (6) ئەنگلىيە بىللىتون (Billiton) نى گوللاندىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ (7) گوللاندىيە ئەنگلىيىنىڭ سىنگاپوردىكى ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش؛ ئەنگلىيە سىنگاپورنىڭ جەنۇبىغا قاراتقان تەسىرىي كۈچىنى كېڭەيتمەسلىك؛ (8) ھەرقايسى جايلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشىنى 1825-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىش. كېلىشىمدە يەنە گوللاندىيە ئاتجېنىڭ (Atjeh) مۇستەقىللىكىگە ھۈرمەت قىلىشى كېرەك. بىراق گوللاندىيە ئاتجېدىكى «دېڭىز قاراقچى» لىرىغا قارىتا تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنى يوقىتىپ، سۇماترانىڭ شىمالىي قىسمى دېڭىز ئەتراپىدىكى كېمىلەرنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى قوغداش دەپ بەلگىلەنگەن. ئەنگلىيە بۇ كېلىشىم ئارقىلىق پۇلۇپېناك (Pulaupenang)، سىنگاپوردا بازا قۇرۇپ، مالاككا بوغۇزىنىڭ بىردىنبىر خوجايىنىغا ئايلانغان. 

سومالى دۆلىتى

  • سومالى دۆلىتى[يەشمىسى:] قەدىمكى دۆلەت نامى ياكى Somlia (سومالى) نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ھازىرقى سومالىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدا، جۇڭگو تارىخ كىتابى — «چەت ئەللەر تەزكىرىسى» دە مەخسۇس خاتىرىلەر بار. 1898-يىلى موگادىشودىن سۇڭ دەۋرىگە ئائىت قەدىمكى پۇل تېپىلغان. 

سومما جېڭى

  • سومما جېڭى[يەشمىسى:] بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، 1916-يىلى 7-، 11-ئايلاردىكى ئەنگلىيە، فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ غەربىي سەپتە گېرمانىيە ئارمىيىسىگە قوزغىغان بىر قېتىملىق جەڭ بولۇپ، ۋېردېن رايونىدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ فرانسىيە ئارمىيىسىگە قاراتقان بېسىمىنى يېنىكلىتىشنى مەقسەت قىلغان. كەسكىن پوزىتسىيە تالىشىش جېڭى ئارقىلىق ئەنگلىيە، فرانسىيە ئارمىيىسى گېرمانىيىدىن 180 كۋادرات كىلومېترغا يېقىن زېمىننى قايتۇرۇۋالغان. ئىككى تەرەپتىن جەمئىي بىر مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشى چىقىم بولغان. بۇ قېتىمقى جەڭدە ئەنگلىيە ئارمىيىسى تانكا ئىشلەتكەن، بۇ دۇنيا ئۇرۇش تارىخىدا تۇنجى قېتىم تانكا ئىشلىتىپ ئۇرۇش قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

سوموزا جەمەتى

  • سوموزا جەمەتى[يەشمىسى:] 9791 — 7391-يىللىرى نىكاراگوئاغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان جەمەتنى كۆرسىتىدۇ. ئاناسىتاسىئو سوموزا گارسىيە (Anastasio Somoza Garcia، 6591-6981) قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى، كوستارىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، مىللىي مۇھاپىزەت قىسىملىرىنىڭ قوماندانى، زۇڭتۇڭ (1937 - 1947، 6591 - 1591) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1934-يىلى ئامېرىكىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن، مىللىي قەھرىمان ساندىنونى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن. زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، سۇموزا جەمەتىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەشكە باشلىغان. ئۇ 1956-يىلى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، چوڭ ئوغلى لۇئىس ساموزا دېبايلې (Luis Samoza Bebayle، 7691 - 2291) ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان (3691 - 6591). 1967-يىلى ئۇنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئاناسىتا- سىئو سوموزا دېبايلې (Anastasio Somoza Debayle، 1925 - 1980) زۇڭتۇڭ بولغان (9791 - 7691). بۇ جەمەت دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى مونوپول قىلىۋالغان، مەملىكەت بويىچە يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى (جۈملىدىن ئېكىنزارلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى) ئىگىلىۋالغان، ئۇنىڭ مال-مۈلكى ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن، ئىچكى جەھەتتە قانلىق باستۇرۇشنى يولغا قويغان، سىرتقا قارىتا ئامېرىكىغا بېقىنغان. 1979-يىلى 7-ئايدا ئاغدۇرۇلۇپ، ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەن. 

سونبرۇن سۈلھ شەرتنامىسى

  • سونبرۇن سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] ناپولېئون ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاۋسترىيە بىلەن فرانسىيە ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسى. 1809-يىلى ناپولېئون ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنى ۋاگرامدا مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيىنى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋېنانىڭ يېنىدىكى سكونبرون (Schonbrunn، گۈزەل بۇلاق ئوردىسى) دا سۈلھ شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. بۇ شەرتنامىدە ئاۋسترىيىنىڭ سالزبۇرگنى رېين ئىتتىپاقىغا بۆلۈپ بېرىدىغانلىقى؛ گالىتسىيىنىڭ غەربىي قىسمىنى ۋارشاۋا كىنەزلىكىگە كېسىپ بېرىدىغانلىقى؛ گالىتسىيىدىكى تارناپول رايونىنى روسىيىگە بۆلۈپ بېرىدىغانلىقى؛ ئادرىئاتىك دېڭىزىنىڭ قىرغىقىدىكى پۈتكۈل دالماتسىيىنى فرانسىيىگە كېسىپ بېرىدىغانلىقى؛ ئاۋسترىيىنىڭ ئەنگلىيە بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ، چوڭ قۇرۇقلۇق قامال سىستېمىسىغا قاتنىشىدىغانلىقى ھەمدە ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە ۋە ئىتالىيىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقى؛ ئاۋسترىيىنىڭ ئۆز ئارمىيىسىنى 150 مىڭ كىشىگە قىستارتىدىغانلىقى ھەمدە نۇرغۇن تۆلەم پۇلى تۆلەيدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئاۋسترىيىنى پۈتۈنلەي ناپولېئوننىڭ بېقىندىسى قىلىپ قويغان. 

سوندېربۇند

  • سوندېربۇند[يەشمىسى:] نېمىسچە Sonderbund نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، يەنى «بۆلگۈنچىلەر ئىتتىپاقى». 7481 - 5481-يىللىرى شۋېتسارىيىدىكى يەتتە كاتولىك دىنى شتاتىدا ھاكىمىيەت تۇتقان يۇقىرى قاتلام بۇرژۇئازىيە ۋە فېئودال پومېشچىكلار فېدېراتىپ ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تۈزگەن ئىتتىپاق. بۇ ئىتتىپاق كاتولىك دىنى جەمئىيىتىنى قوللاپ، فېدېراتىپ پارلامېنتنىڭ ئەيسا جەمئىيىتى مۇرىتلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىغا قارشى چىقىپ، ھەرقايسى شتاتلارنىڭ تەپرىقىچىلىك ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغان. 1847-يىلى 7-ئايدا پارلامېنت ئىتتىپاقىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ھەمدە قوشۇن چىقىرىپ ھۇجۇم قىلغان، 11-ئايدا ئىتتىپاق ئۇرۇشتا يېڭىلىپ يىمىرىلگەن. 

سونگاي پادىشاھلىقى

  • سونگاي پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] (Songhai) گائو پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅥ-ⅩⅤ ئەسىرلەردىكى غەربىي ئافرىقىدىكى كۈچلۈك دۆلەت. سونگايلار دېندى (Dendi) لاردىن كەلگەن. مىلادى Ⅶ ئەسىردە نېگىر دەرياسىنىڭ يۇقىرىنى بويلاپ ياشىغان، تەخمىنەن 890-يىلى گائو (Gao) شەھىرىنى قۇرغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گانا ۋە مالى پادىشاھلىقلىرىغا بېقىنغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مۇستەقىل بولغان. سۈننىي ئەلى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە تىمبۇكتۇ بىلەن جېننې (Jenne) نى ئىشغال قىلىۋېلىپ، زېمىنىنى كېڭەيتكەن. مۇھەممەد تۇرې سۈننىي سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئاسكىيە سۇلالىسىنى قۇرۇپ، راسا روناق تاپقان. زېمىنى غەربتە سېنېگال دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىن، شەرقتە ئىل ئېگىزلىكىگىچە، جەنۇبتا سېنېدىن تارتىپ، شىمالدا تېگاز (Teguaza) غىچە بېرىپ يەتكەن. كېيىنكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىچكى جاڭجاللىرى ئارقىسىدا، دۆلەت ئاستا-ئاستا خارابلاشقان. 1585-يىلى ماراكەشنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان، 1591-يىلى گائا بىلەن تىمبۇكتۇ ئىشغال قىلىۋېلىنغان. قۇللار ۋە دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ زەربىسى ئارقىسىدا ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا پارچىلانغان. 

سۇچۇەن (مىناتوگاۋا) بىرلەشمە جېڭى

  • سۇچۇەن (مىناتوگاۋا) بىرلەشمە جېڭى[يەشمىسى:] ياپونىيى-نىڭ سامورايلىقىنى تىكلەش يىللىرىدا ساموراي گۇرۇھلىرى ئارا ئېلىپ بېرىلغان ھوقۇق تالىشىشنىڭ بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جېڭى. 1336-يىلى ئاشكا گوتاكاخى، ئازكاگو نايوشى (1306 - 1352) ئاكا-ئۇكا ئىككىسى سۇ يولى ۋە قۇرۇقلۇق يولىغا بۆلۈنۈپ، شىندېن گىرو، كۇسۇكى ماساكى بىلەن مىناتوگاۋا (ھازىرقى كاندو شەھىرىنىڭ ئىچىدە) دە ئۇرۇشقان. شىندېن گىرو-كۇسۇكى ماساكى بىرلەشمە ئارمىيىسى مەغلۇپ بولغان. كۇسۇكى ماساكى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان؛ سىندېن گىرو پايتەختتىن چېكىنىپ چىققان. ئاشكاكى تاكاخى كيوتونى ئىشغال قىلىپ، گۇاڭمىڭنى تېننۇ قىلىپ تىكلىگەن. كېيىن شىخۇ تېننو يوشىنوغا قېچىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن «سامورايلىقنى تىكلەپ قايتىدىن گۈللىنىش» (1334 - 1336) ئاخىرلىشىپ، شىمالىي سۇلالە بىلەن جەنۇبىي سۇلالىنىڭ قارىمۇ قارشىلىقى باشلانغان. 

سوۋېت

  • سوۋېت[يەشمىسى:] رۇسچە Cobet نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، يىغىن ياكى قۇرۇلتاي مەنىسىدە. روسىيە پرولېتارىياتى 7091 - 5091-يىللىرىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە ئىجاد قىلغان، ئاممىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىنقىلاب قىلىدىغان سىياسىي تەشكىلات. 1905-يىلى يازدا ئىۋانوۋ-ۋوزنېسسېكى شەھىرىدىكى 70 مىڭ ئىشچى ئىش تاشلاش داۋامىدا 151 نەپەر ۋەكىل سايلاپ چىقىپ، تۇنجى ئىشچىلار سوۋېتىنى تەشكىل قىلغان. شۇ يىلى كۈزدە پېتربۇرگ، موسكۋا قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىمۇ ئىشچىلار سوۋېتلىرى قۇرۇلغان، ۋىلادىۋوستوك قاتارلىق جايلاردا ئەسكەرلەر سوۋېتى قۇرۇلغان. بالتىق دېڭىزى قىرغاقلىرى رايونى، ساراتوۋ ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىمۇ دېھقانلار سوۋېتى قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلاتلار ئىش تاشلاشقا تەشكىللەش ۋە رەھبەرلىك قىلىش، سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش، خەلقنى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىگە باج-سېلىق تاپشۇرۇشنى رەت قىلىشقا چاقىرىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغان. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىي پارتلىغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچى ئىشچىلار ۋە ئەسكەرلەر ئالدى بىلەن پېتېربۇرگدا، ئارقىدىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشچى-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتىنى بەرپا قىلغان. بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن ئىشچى -ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتىدىن ئىبارەت ئىككى ھاكىمىيەت بىرلا ۋاقىت ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، لېنىن «پۈتۈن ھاكىمىيەت سوۋېتلەرگە مەنسۇپ بولسۇن!» دېگەن شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كېيىن مېنشېۋىكلار بىلەن سوتسىيال ئىنقىلابچىلار پارتىيىسى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، سوۋېتلەر بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلانغان. 1917-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا كورنېلوۋ توپىلىڭىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، سوۋېتلەر بولشېۋىكلارنىڭ رەھبەرلىكىگە ئۆتكەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىي ۋاقتىدا سوۋېتلەر قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئورگىنى، ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت ئورگىنى بولۇپ، ئەڭ ئاخىرى يېڭى تىپتىكى دۆلەت ئورگىنىغا ئايلانغان «ئىشچى-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتى» گە قارالسۇن. 

سوۋېت، ئەنگلىيە، فرانسىيە ئۈچ دۆلەت سۆھبىتى

  • سوۋېت، ئەنگلىيە، فرانسىيە ئۈچ دۆلەت سۆھبىتى[يەشمىسى:] 1939-يىلى 4 ، 8-ئايلاردا، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، فرانسىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت، موسكۋادا گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئورتاق قارشى تۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭىشىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بارغان سىياسىي، ھەربىي ئىشلار سۆھبىتى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت گېرمانىيە پۈتكۈل چېخوسلوۋاكىيىنى يۇتۇۋالغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا قالغان ئىنتايىن جىددىي ئەھۋال ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان. 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەنگلىيە، فرانسىيىگە سەككىز تۈرلۈك تەكلىپ بەرگەن. ئۇنىڭدا، ناۋادا گېرمانىيە ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلىدىغان بولسا سوۋېت ئىتتىپاقى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىگە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش؛ ناۋادا گېرمانىيە قارا دېڭىز بىلەن بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرى ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىدىغان بولسا، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. بىراق ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە سەمىمىي بولمىغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنى يەككە-يېگانە گېرمانىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا كىرگۈزۈپ قويۇپ، ئۆزلىرى ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ، گېرمانىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرمەكچى بولغان. شۇ سەۋەبتىن ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋام قىلغان سىياسىي سۆھبەتتىن ھېچبىر نەتىجە چىقمىغان. 7-ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى سىياسىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ھەربىي ئىشلار سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنى تەكلىپ قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېرمانىيە بىلەن ئورتاق چېگرىسى يوق، پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى پولشا، رومىنىيە زېمىنىدىن ئۆتۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن شەرت ئاستىدىلا، ئاندىن ئەنگلىيە، فرانسىيە، پولشا، رومىنىيىگە ياردەم بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەنگلىيە، فرانسىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا قويغان شەرتنى ئۇزۇنغىچە قوبۇل قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ دۆلەت سۆھبىتى ئاخىرى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى بۇزۇلغان. 8-ئاينىڭ 23-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە «سوۋېت-گېرمانىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» ئىمزالىغان. 

سوۋېت-چېخوسلوۋاكىيە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى

  • سوۋېت-چېخوسلوۋاكىيە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى[يەشمىسى:] تولۇق ئاتىلىشى: «چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى». 1935-يىل 5-ئاينىڭ 16-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن چېخوسلوۋاكىيە پراگادا ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامە گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق خەۋپى كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقان، گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇزىدىن كوللېكتىپ مۇداپىئە كۆرۈشنى مەقسەت قىلغان، شەرق ئەھدىنامىسى پىلانى مەغلۇپ بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئىمزالانغان. ئاساسىي مەزمۇنى: سوۋېت ئىتتىپاقى ياكى چېخوسلوۋاكىيە تەرەپ ھەرقانداق ياۋروپا دۆلىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق خەۋپىگە ۋە تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان چاغدا، ئىككى دۆلەت دەرھال ئۆزئارا بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. چېخوسلوۋاكىيە تەرەپنىڭ قاتتىق تۇرۇۋېلىشى بىلەن، شەرتنامىدە فرانسىيە تاجاۋۇز قىلىنغۇچى دۆلەتكە ياردەم بەرگەن ئەھۋال ئاستىدىلا سوۋېت، چېخوسلوۋاكىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بار دېگەننى بەلگىلىگەن. فرانسىيە ئەنگلىيىگە ئەگىشىپ ماداراچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقتىن، 1938-يىلدىكى سوۋېت كرىزىسى ۋە 1939-يىلى 3-ئايدا گېرمانىيە چېخوسلوۋاكىيىنى يۇتۇۋالغان چاغدا، بۇ شەرتنامە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي رولىنى جارى قىلدۇرالمىغان. 

سوۋېت-فىنلاندىيە ئۇرۇشى

  • سوۋېت-فىنلاندىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] 1939 - 1940-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن فىنلاندىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ غەربىي شىمالىي چېگرىسى بىلەن لېنىنگرادنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، 1938-يىلى 10-، 11-ئايلاردا فىنلاندىيە ھۆكۈمىتىگە زېمىن ئالماشتۇرۇش شەرتنامىسى تۈزۈشنى تەكلىپ قىلغان. فىنلاندىيىدىن كارىلىيە بوينىدىكى دۆلەت چېگرىسىنى ئىچىگە نەچچە ئون كىلومېتر سۈرۈش، سوۋېت ئىتتىپاقى سوۋېت كارىلو-فىنىدىن ئىككى ھەسسە كېلىدىغان زېمىنى بىلەن ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ رەت قىلىنغان. نەتىجىدە 1932-يىلى تۈزۈلگەن سوۋېت-فىنلاندىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى بىكار قىلىنغان. 1939-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى-فىنلاندىيە ئۇرۇشى پارتلىغان. ئىككى تەرەپ زور بىر تۈركۈم قوشۇنلىرىنى ئىشقا سالغان. ئۈچ ئايلىق ئۇرۇش ئارقىلىق، فىنلاندىيە مەغلۇپ بولۇپ، سۈلھ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 1940-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى موسكۋادا «سوۋېت-فىنلاندىيە سۈلھ شەرتنامىسى» ئىمزالانغان. شەرتنامىگە ئاساسەن ئەسلىدە فىنلاندىيىگە قاراشلىق كارىلىيە بوينىنى (ۋېبۇرگ، ۋېبۇرگ بوغۇزى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) لادوژسكو كۆلىنىڭ غەربىي، شىمالىي قىرغاقلىرى، فىنلاند قولتۇقىدىكى بەزى ئاراللار، رىباچېي ۋە سلېتنى يېرىم ئارىلىنىڭ بىر قىسمىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئايرىپ بەرگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە 30 يىللىق مۇددەت بىلەن خانكۆ يېرىم ئارىلىنى ئىجارىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى بازىسى قىلىۋالغان. 

سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى

  • سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى[يەشمىسى:] تولۇق ئاتىلىشى — سوۋېت ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسى. 1946-يىلدىن ئاۋۋالقى سوۋېت ئىتتىپاقى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ رەسمىي نامى. 1918-يىلى قۇرۇلغان. 1918-يىل 2-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇنجى تۈركۈم قىزىل ئارمىيە نارۋا ۋە پىسكوۋدا گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ پايتەخت پېتروگرادقا قىلغان ھۇجۇمىنى زەربە بىلەن چېكىندۈرگەنلىكتىن بۇ كۈن سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇلۇش بايرىمى قىلىپ بەلگىلەنگەن. 1946-يىلى فېۋرالدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى دەپ ئاتالغان. 

سوۋېت گراژدانلار ئۇرۇشى

  • سوۋېت گراژدانلار ئۇرۇشى[يەشمىسى:] 1918 — 1920-يىللىرى سوۋېت روسىيىسىنىڭ چەت ئەل قوراللىق مۇداخىلىچىلىرى ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق كۈچلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. 1918-يىلنىڭ باشلىرىدا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، ياپونىيىدىن ئىبارەت ئانتانتا جاھانگىرلىرى، ئەمدىلا دۇنياغا كەلگەن سوۋېت ھاكىمىيىتىنى بوغۇپ تاشلاش غەرىزىدە مۇداخىلىچى ئارمىيىسىنى ئەۋەتىپ، مورمانىسكى، يىراق شەرق ۋە جەنۇبىي كاپكازدىن سوۋېت دۆلىتىگە بېسىپ كىرگەن. ئەكسىيەتچى كۈچلەرنى يۆلەپ، قوراللىق توپىلاڭ قىلىشقا قۇتراتقان؛ شىمالىي كاپكازدا دېنكىن، دون دەرياسى رايونىدا كراسنوۋ؛ سىبىرىيىدە كولچاك، غەربىي شىمالدا يودېنچ؛ ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى ۋە سىبىرىيىدە يەنە چېخوسلوۋاكىيە ھەربىي پولكى توپىلىڭى يۈز بەرگەن. گېرمانىيە ئىشغالىيەتچىلىرى ئوكرائىنا، بېلوروسىيە ۋە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى جايلارنى ئىشغال قىلىۋالغان. سوۋېت روسىيىسى تۆت ياقتىن قورشاۋ ئىچىدە قىلىپ [SX(]3[]4[SX)] قىسىم زېمىنى دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت: «ھەممە ئالدىنقى سەپ ئۈچۈن، ھەممە جۇمھۇرىيەت ئۈچۈن» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. قىزىل ئارمىيە قۇرۇپ، ئۇرۇش مەزگىلى كوممۇنىزم سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىچكى-تاشقى دۈشمەنلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش ئېلىپ بارغان. 1918-يىلنىڭ ئاخىرى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى شەرقىي سەپتە چېخوسلوۋاكىيە پولكى توپىلىڭىنى تارمار قىلغان، جەنۇبىي سەپتە سارىتسېننى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئانتانتا دۆلەتلىرى يەنە سوۋېت دۆلىتىگە ئۇدا ئۇچ قېتىملىق زور كۆلەملىك قوراللىق مۇداخىلە ئېلىپ بارغان. بىرىنچى قېتىملىقى، 1919-يىلى 3-ئايدا بولۇپ، شەرقىي سەپتىكى كولچاك قوشۇنىنى ئاساس قىلىپ، يودېنچ، دېنكىن شىمالىي ۋە جەنۇبىي تەرەپتىن ئۆزئارا ماسلاشقان. قىزىل ئارمىيە ئالتە سەپتە دۈشمەن بىلەن ئېلىشقان. 4-ئايدا، قىزىل ئارمىيە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، كولچاكنى مەغلۇپ قىلغان ھەمدە پېتروگرادنى يودېنچنىڭ خەۋپىدىن قۇتقۇزغان. ئىككىنچى قېتىملىقى، شۇ يىلى 7-ئايدا بولۇپ، ئۆزىنى «14 دۆلەت جازا يۈرۈشى» دەپ ئاتىۋالغان دۈشمەن ئارمىيىسى دېنكىننى ئاساسىي كۈچ قىلىپ، بىر مەھەل ئۇريۇلىنى بېسىۋېلىپ، موسكۋاغا خەۋپ سالغان. لېنىن: «كۆپچىلىكنى دېنكىنگە قارشى كۈرەشكە» چاقىرغان. شۇ يىلى 11-ئايدا دېنكىن تارمار قىلىنغان. ئۈچىنچى قېتىملىقى، 1920-يىلى 4-ئايدا بولۇپ، ئانتانتا دۆلەتلىرى پولشانى ئوكرائىناغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىشكە قۇتراتقان. قىرىمدىكى ۋرانگېل ئۇلارغا ماسلاشقان، بىر مەھەل كىيېۋنى بېسىۋېلىپ، دونباسقا خەۋپ سالغان. 5-ئايدا قىزىل ئارمىيە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، 8-ئايدا ۋارشاۋاغا قىستاپ بارغان. 10-ئايدا ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. 11-ئايدا ۋرانگېلنى يوقىتىپ، قىرىمنى ئازاد قىلغان. بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە سوۋېت روسىيىسى چەت ئەل مۇداخىلىچىلىرى قوراللىق ئارمىيىسىنى قوغلاپ چىقىرىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭلارنى ئاساسەن يوقاتقان. 

سوۋېت-گېرمانىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى

  • سوۋېت-گېرمانىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى[يەشمىسى:] 1939-يىل 8-ئاينىڭ 23-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە موسكۋادا ئىمزالىغان شەرتنامە. بۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: شەرتلەشكەن ئىككى تەرەپ ئۆزئارا قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىك؛ شەرتلەشكەن دۆلەتكە قارشى باشقا بىر تەرەپ دۆلەتلەر گۇرۇھىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك قاتناشماسلىق؛ ئۆزئارا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە يېقىندىن ئۇچرىشىپ، ئاخبارات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش؛ ئۆزئارا بارلىق تالاش-تارتىشلارنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشتىن ئىبارەت. شەرتنامىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئون يىل بولغان. بىراق، شەرتنامە ئىمزالىنىپ ئىككى يىل ئۆتمەي، 1941-يىلى 6-ئايدا فاشىستلار گېرمانىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان. 

سوۋېت ۋەتەن ئۇرۇشى

  • سوۋېت ۋەتەن ئۇرۇشى[يەشمىسى:] سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقى-نىڭ فاشىستلار گېرمانىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئادالەتلىك ئۇرۇشى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، گېرمانىيە غەربىي ياۋروپا، شىمالىي ياۋروپا ۋە بالقان يېرىم ئارىلىنى بېسىۋالغان. 1941-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى گېرمانىيە ئۆزىنىڭ بېقىندىسى بولغان فىنلاندىيە، ۋېنگرىيە ۋە رومىنىيىنى ئەتراپىغا توپلاپ، 190 دىۋىزىيە ئەسكىرىي كۈچ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغان. سوۋېت ئارمىيە ۋە خەلقى ستالىن باشچىلىقىدىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرغان. ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا (1941-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 1942-يىل 11-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت) ستراتېگىيىلىك مۇداپىئەلىنىش تاكتىكىسىنى يولغا قويغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ فاشىستىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشقا قارىتا زۆرۈر تەييارلىقى كەمچىل بولغانلىقتىن، گېرمانىيە ئارمىيىسى ۋاقىتلىق پايدىلىق ئامىللاردىن پايدىلىنىپ، ئۈچ ھەپتە ئىچىدە سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ 28 دىۋىزىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، تېزلىك بىلەن پۈتكۈل لىتۋانى، لاتۋىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى، بېلوروسىيە ۋە ئوكرائىنانىڭ غەربىي قىسمىنى بېسىۋالغان ھەمدە لېنىنگراد، موسكۋا، كىيېۋقا ھەدەپ ھۇجۇم قىلغان. سوۋېت ئارمىيىسى 1941-يىلى 9-ئايدىن 1942-يىلى 4-ئايغىچە موسكۋا جېڭىنى ئېلىپ بېرىپ غەلىبە قازانغان. گىتلېرنىڭ «چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇش» پىلانى بەربات قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ گېرمانىيە ئەسكىرىي كۈچ ۋە قورال-ياراق جەھەتتىن يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. (1942-يىلى 5-ئايدا گېرمانىيىنىڭ ئارمىيىسى 6 مىليون 200 مىڭ كىشى، سوۋېت ئارمىيىسى 5 مىليون 500 مىڭ كىشى ئىدى) ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوكرائىنا، بېلوروسىيە، مولداۋىيە، بالتىق دېڭىزى بويلىرى، قىرىم، دون دەرياسى، شىمالىي كاپكاز ۋە روسىيە فېدېراتسىيىنىڭ غەربىي ۋە جەنۇبىي قىسمىدىن ئىبارەت باي ئورۇنلىرىنى بېسىۋالغان. سوۋېت ئارمىيىسى داۋاملىق مۇداپىئە جېڭى ئېلىپ بارغان. ياز ۋە كۈز پەسلىگە كەلگەندە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. ئىككىنچى باسقۇچى (1942-يىل 11-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 1943-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ۋاقىت). 1942-يىلى يازدا، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئاساسىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ستالىنگرادقا ھۇجۇم قىلغان. 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى دون دەرياسىنىڭ دەريا ئەگمىسىگە بېسىپ كىرىپ، جەڭ باشلانغان. سوۋېت ئارمىيىسى ئاۋۋال ئاكتىپ مۇداپىئەلىنىش داۋامىدا گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ زور تۈركۈم جانلىق كۈچىنى خورىتىپ، 11-ئاينىڭ 19-كۈنىگە كەلگەندە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. 1943-يىل 2-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، گېرمانىيىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، ستالىنگرادنى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەتەن ئۇرۇشى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋەزىيىتىنى تۈپ ئاساستىن ئۆزگەرتىۋەتكەن. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن سوۋېت ئارمىيىسى يەنە كورسىك جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. گىتلېرنىڭ مەغلۇپ بولۇش ۋەزىيىتىنى ئوڭشىۋېلىش ئۈمىدى بەربات بولغان. ئۈچىنچى باسقۇچ (1944-يىلى 1-ئايدىن 1945-يىل 5-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت). سوۋېت ئارمىيىسى ئومۇميۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن.1944 -يىلى گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ئون قېتىملىق زەربە بېرىپ، قولدىن كەتكەن رايونلارنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇۋالغان. ئۇرۇش دۈشمەن زېمىنىغا كۆچكەن. فىنلاندىيە، رومىنىيە، بۇلغارىيە ۋە ۋېنگرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى گېرمانىيىگە قارشى تۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان. 1945-يىلنىڭ باشلىرى سوۋېت ئارمىيىسى يەرلىك مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، پولشا چېخوسلوۋاكىيىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىغا كىرىپ، شەرقىي پرۇسسىيە ۋە سىلېزىيىنى ئىشغال قىلغان. 1945-يىل 5-ئاينىڭ 2-كۈنى، سوۋېت ئارمىيىسى بېرلىننى ئىشغال قىلغان. 5-ئاينىڭ 8-كۈنى فاشىستلار گېرمانىيىسى شەرتسىز تەسلىم بولغان. 

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېخوسلوۋاكىيىنى بېسىۋېلىش ۋەقەسى

  • سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېخوسلوۋاكىيىنى بېسىۋېلىش ۋەقەسى[يەشمىسى:] 1968-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەسكەر چىقىرىپ، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ ئىجتىمائىي ئىسلاھاتىغا قوراللىق ئارىلىشىش ۋەقەسى. شۇ يىلى 1-ئايدا ئالېكساندر دۇبچېك (Alexander Dubcek، 2991-1291)نوۋوتىنىي(Antonin Novotny، 5791 - 4091) نىڭ ئورنىغا چېخوسلوۋاكىيە كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغاندىن كېيىن، ئىچكى سىياسەت ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە بىر يۈرۈش ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يەنى پارتىيە ئىچىدە ئەركىن تەنقىد قىلىشقا يول قويۇش، مىللىي پارلامېنتنى چېخوسلوۋاكىيىنىڭ سىياسەت بەلگىلەيدىغان ئورگىنى قىلىپ جاكارلاش، سىياسىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن چېخوسلوۋاكىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي باراۋەرسىزلىكنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. بۇ ھەرىكەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 8-ئاينىڭ 20-، 21-كۈنلىرى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى بىلەن ۋارشاۋا شەرتنامىسىگە قاتناشقان تۆت دۆلەتنىڭ (پولشا، ۋېنگرىيە، دېموكراتىك گېرمانىيە، بۇلغارىيە) 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى چېخوسلوۋاكىيىگە بېسىپ كىرگەن؛ كېيىن قوشۇنلىرى كۆپەي-تىلىپ 650 مىڭ كىشىگە يەتكۈزۈل- گەن. 21-كۈنى سەھەردە چېخوسلوۋاكىيە كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت بىناسىنى قورشىۋېلىپ، دۇبچىك قاتارلىق پارتىيە رەھبەرلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا يالاپ ئېلىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پراگادىكى بارلىق ئىدېئولوگىيە، مەدەنىيەت، تەشۋىقات مەركەزلىرىنىمۇ قامال قىلىۋالغان. خەلقنىڭ نامايىش، ئومۇمىي ئىش تاشلىشىمۇ باستۇرۇۋېتىلگەن. 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، چېخوسلوۋاكىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى موسكۋادا كېلىشىم ھاسىل قىلغان. كېلىشىمدە: دۇبچېك يەنىلا پارتىيىنىڭ باش سېكرىتارى بولۇش؛ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن قوراللىق قىسىملار پەيدىنپەي چېكىنىپ چىقىپ كېتىش؛ بىراق بۇلارنىڭ بىر قىسمى يەنىلا چېخوسلوۋاكىيىنىڭ غەربىي چېگرىسىدا تۇرۇش، ئاخبارات، كىتاب-ژۇرناللارنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ پارتىيىنىڭ دۆلەتتىكى رەھبەرلىك ئورنىنى كۈچەيتىش بەلگىلەنگەن. لېكىن بۇ ۋەقەدىن كېيىن چېخوسلوۋاكىيە كومپارتىيىسى ئىچىدىكى بۆلۈنۈش تېزلىشىپ، 1969-يىلى 4-ئايدا، دوبچېك تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولۇپ، ئورنىغا خوساك (Gustav Husak، - 3191) باش سېكرىتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 

سوۋېت-ياپونىيە ئۇرۇشى

  • سوۋېت-ياپونىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. 1945-يىلى 5-ئايدا گېرمانىيە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچ دۆلەت «يالتا كېلىشمى» دىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 8-ئاينىڭ 11-كۈنى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى قوراللىق كۈچلىرى پۈتۈن سەپ بويىچە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچ يۆنىلىش ئەسكىرىي كۈچى بىلەن جۇڭگونىڭ شەرقى شىمالىغا كىرىپ، جۇڭگو خەلقىگە ماسلىشىپ ئۇرۇش قىلىپ، ياپونىيىنىڭ كانتۇن ئارمىيىسىنى تېزلىك بىلەن تارمار قىلغان. 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان. 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ياپونىيە تەسلىمنامىگە ئىمزا قويغان. 

سۈبھى

  • سۈبھى[يەشمىسى:] (Mustafa Subhi، 1291 - 2881) تۈركىيە كومپارتىيىسىنى قۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىرى. دەسلەپ فرانسىيىدە ئوقۇغان، 1908-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، تەھرىر ۋە مۇئەللىملىك قىلغان. 1910-يىلى تۈركىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1913-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان، ئىككىنچى يىلى روسىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1915-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) غا قاتناشقان. 1919-يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ بىرىنچى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1920-يىلى تۈركىيە كومپارتىيىسىنى تەشكىللىگەن ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان. 1921-يىلى 1-ئايدا سوۋېت روسىيىسىگە قىلغان سەپىرىدە ژاندارمىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 

سۇتيەن جېن-رېن (ئاۋاتانائوختو)

  • سۇتيەن جېن-رېن (ئاۋاتانائوختو)[يەشمىسى:] (؟ — 197)، ياپونىيىنىڭ نارا ئالدىنقى مەزگىلىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئوردا ئەمەلدارى. مىلادى 700-يىلى (تېننو ۋېنۋۇنىڭ 4-يىلى) شاھزادىسى جازا پىرقىسىنىڭ فۇجىۋارافۇبى (027 - 956) قاتارلىقلار رىياسەتچىلىك قىلغان قانۇن، ئەمر-پەرمانلارنى تۈزىتىپ بېكىتىش خىزمىتىگە قاتناشقان. ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئايدا تاڭ سۇلالىسىگە بارىدىغان ئەلچىلىككە تەيىنلىنىپ، يامائۇئېزو (660 — تەخمىنەن 733) ۋە سومىچىجى (447 - ?) قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا يولغا چىققان. كيۇشۇغا بارغاندا، دېڭىز دولقۇنى خەتەرلىك بولغانلىقتىن پايتەختكە قايتقان. 702-يىلى (داباۋنىڭ ئىككىنچى يىلى) جۇڭگوغا كېلىپ، چاڭئەندە خانىكە ۋۇزېتيەننى زىيارەت قىلغان. 704-يىلى (چىڭيۇننىڭ بىرىنچى يىلى) ۋەتىنىگە قايتقان. كېيىن تەكلىپدارلىققا ئۆستۈرۈلگەن.

سۇدرا

  • سۇدرا[يەشمىسى:] (Sudra) ھىندىستاندىكى تۆت چوڭ تائىپىنىڭ تۆتىنچىسى. ئادەتتە، ئاساسىي جەھەتتىن ئارىيانلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان يەرلىك ئاھالە كۆزدە تۇتۇلىدۇ، كېيىن ئىجتىمائىي بۆلۈنۈش تۈپەيلىدىن نامرات ۋائىزا تائىپىسىدىكىلەرنىڭ ئورنىمۇ كۈنسايىن سۇدرا تائىپىسىگە يېقىنلاشقان. ئاساسىي كەسپى «تۆۋەن دەرىجىلىك» قول-ھۈنەرۋەنلىكتىن باشقا، يەنە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. يۇقىرى تائىپىلەر ئۈچۈن مەجبۇرىي خىزمەت قىلغان، ھېچقانداق ھوقۇقى بولمىغان، كەمسىتىلگەن بولۇپ، قەدىمكى ھىندىستان جەمئىيىتىدىكى ئەڭ تۆۋەن قاتلام ئاھالە (4-دەرىجە) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەزى سۇدرالار قۇل بولۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ھەممىلا سۇدرالار قۇل بولغان ئەمەس (قەدىمكى ھىندىستاندا قۇللارنى «داسا» دەپ ئاتايدۇ). بەزى ئالىملار سۇدرالارنى قۇللار دەپ قارايدۇ.

سۇرا بايا مۇداپىئە ئۇرۇشى

  • سۇرا بايا مۇداپىئە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ھىندۇنېزىيىدىكى سۇرابايا خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىكىنى قوغداش يولىدا ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان جېڭى. سۇرابايا (Surabaya) شەرقىي ياۋانىڭ مەركىزى، ھەربىي ستراتېگىيىلىك مۇھىم ئورۇن. 1945-يىل 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ھىندۇنېزىيە مۇستەقىللىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن 10-ئايدا ئەنگلىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى قورال كۈچى ئارقىلىق سۇرابايانى بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنغان. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ برىگادا كوماندىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەنگلىيىنىڭ كۆپلىگەن قوشۇنى سۇراباياغا بېسىپ كىرىپ، يولسىزلىق قىلغان ۋە يەرلىك خەلقنى شەرتسىز ھالدا تەسلىم بولۇشقا زورلىغان. سۇرابايا خەلقى مىللىي مۇستەقىللىكنى قوغداش ئۈچۈن ئەنگلىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى بىلەن يىگىرمە بىر كۈن قانلىق جەڭ قىلغان. ئەنگلىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى زور دەرىجىدە چىقىم تارتقاندىن كېيىن شەھەر رايونىنى ئىشغال قىلغان. ھىندۇنېزىيە سۇرابايا جېڭىدە ئۆلگەن ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 11-ئاينىڭ 10-كۈنىنى «ئىنقىلابىي قۇربانلار بايرىمى» (ياكى «قەھرىمانلار بايرىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قىلىپ بەلگىلىگەن.

سۇراپاتى ئۇرۇشى

  • سۇراپاتى ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ⅩⅦ ئەسىردىكى ياۋا خەلقىنىڭ سۇراپاتى (Surapati) رەھبەرلىكىدە گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى. سۇراپاتىنىڭ ئەسلى ئىسمى ئوندۇن بولۇپ، بالى ئارىلىلىق قۇل. كېيىن شەرقىي ھىندىستان شىركىتى قوشۇنىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتەپ، لېيتنانتلىققا كۆتۈرۈلگەن. ئۇ، شىركەتنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىدىن ئىنتايىن نارازى بولۇپ كەلگەن. 1683-يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرىنىڭ گۇمان قىلىشى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك گوللاندىيىلىك ئوفىتسېرلارنىڭ كەمسىتىشى تۈپەيلىدىن، بىر تۈركۈم جەڭچىلەرنى باشلاپ باتاۋىيە (ھازىرقى جاكارتا) نىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا بېرىپ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. شىركەت زور قوشۇن ئەۋەتىپ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى قورشاۋغا ئالغان. 1685-يىلى سۇراپاتى قورشاۋدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ماتارام پادىشاھلىقىغا قېچىپ بارغان. ئەينى زاماندا دەل شىركەت بىلەن ئارازلىشىپ قالغان ماتارام پادىشاھى ئاماڭكۇرات Ⅱ (Amang KuratⅡ، 1677 - 1703) نىڭ قوغداپ قېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. 1686-يىلى ئاماڭكۇراتنىڭ گوللاندىيىگە قارشى پوزىتسىيىسى تۇتۇق بولغانلىقتىن، سۇراپاتى قوشۇننى باشلاپ ماتارامنىڭ پايتەختىدىن ئايرىلىپ، گوللاندىيىگە قارشى مۇستەقىل كۈرەش ئېلىپ بارغان. ھەرقايسى جايلاردىكى دېھقانلار تەرەپ-تەرەپتىن ئاۋاز قوشۇپ، پاسۇرۇئان (Pasuruan) دا ئۆز ئالدىغا پادىشاھلىق بەرپا قىلغان. 1706-يىلى سوراپاتى جەڭدە يارىدار بولۇپ ۋاپات بولغان، ئۇنىڭ ئوغلى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. 1719-يىلى قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان.

سۇر خاندانلىقى

  • سۇر خاندانلىقى[يەشمىسى:]

سۇرگې

  • سۇرگې[يەشمىسى:] (Eriedrich Adolf Sorge، 6091 - 8281) بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال ۋە ئامېرىكا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ماركسنىڭ ئوقۇغۇچىسى ھەم سەپدىشى. گېرمانىيىدە تۇغۇلغان. گېرمانىيىنىڭ 1848-يىلىدىكى ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1852-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، دائىم ماركس ۋە ئېنگېلس بىلەن خەت ئارقىلىق ئالاقىلاشقان. ۋېيدېمېيئېرنىڭ سەپدىشى. 1869-يىلىدىن كېيىن بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئامېرىكا ياچېيكىسىنى تەشكىللىگەن ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 1872-يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ باش ئورگىنى نيۇ-يوركقا يۆتكەلگەندىن كېيىن، باش سېكرىتار بولغان. 1875-يىلى ئىستېپا بەرگەن. لېنىن ئۇنى «بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ پېشقەدەم جەڭچىسى» دەپ ئاتىغان. ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنى تارقىتىۋېتىش خىتابنامىسىنى يېزىپ چىققان، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئامېرىكا ئەمگەكچى خەلق پارتىيىسى (1877-يىلى سوتسىيال ئەمگەكچىلەر پارتىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن) گە قاتناشقان، كېيىن ئۇ سول قاناتلارنىڭ داھىيسى بولغان. ئىلمىي كوممۇنىزمنى تەرغىپ قىلىش جەھەتلەردە تۆھپە قوشقان. 

سۇرېئۇ

  • سۇرېئۇ[يەشمىسى:] (Henry David Thoreau، 2581 - 7181) ئامېرىكىلىق يازغۇچى. ماسساچۇسې-ت شتاتىدا تۇغۇلغان. 1837-يىلى خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، ياغاچچى، ئۆلچىگۈچى بولغان. ئامېرىكىنىڭ مېكسىكىغا قىلغان تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇپ، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ھەرىكىتىنى قوللاپ، نۇرغۇن سىياسىي ئوبزور يازغان. قوزغىلاڭدا مەغلۇپ بولغان جۇن بروۋن (John Brown، 9581 - 0081) نى ئاقلاش يۈزىسىدىن نۇتۇق سۆزلىگەن. 1845-يىلىدىن تارتىپ ۋالىتېن كۆلى بويىدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق پاناھلانغان. ئەزەلىلىكنى تەشەببۇس قىلغان، ئېمېرسون، خوسانلار بىلەن «كونكودچىلار» نى شەكىللەندۈرگەن. ئەسەرلىرى گويا ئۆز كەچۈرمىشلىرىنىڭ يېزىلىشىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدا كۈچلۈك پورىتان ئەخلاق تۇيغۇسى بولغان. پىكىر مۇستەقىللىكىگە ۋە باتۇرلۇق روھىغا ھۈرمەت قىلغان، شۇنداقلا ئۇنى تىرىشىپ ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن. ئۇ مېكسىكا ئۇرۇشىغا قارشى تۇرغانلىقتىن «مەدەنىيەت قارشىلىقى» نى يازغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن «ۋالىتېندىكى ياكى ئورمانلىقتىكى تۇرمۇش»، «مېيىن ئورمانلىقى»، «كانادادىكى ئامېرىكىلىقلار» قاتارلىقلار بار، 20 توملۇق ئەسەرلەر توپلىمى بار.

سۇرۇخ ئەلەم قوزغىلىڭى

  • سۇرۇخ ئەلەم قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ئىران خەلقىنىڭ ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئابباسىيلار خاندانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭ مىلادى 778-يىلى كاسپىي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى رايوندا يۈز بەرگەن. قوزغىلاڭچىلار قولىغا قىزىل ئەلەم ئېلىپ، ئۇچىسىغا قىزىل كىيىم كىيىپ، قارا رەڭنى ئۆزىگە بەلگە قىلىپ ئاب-باسىيلار خاندانلىقى بىلەن قارشىلاشقانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن تارىختا «سۇرۇخ ئەلەم» (Surh Alem «قىزىل تۇغلۇق قوشۇن» مەنىسىدە) قوزغىلىڭى دەپ ئاتالغان. ئەرەب تارىخچىلىرى قوزغىلاڭچى-لارنى «مۇھەممىرا» (Muhammira، «قىزىل كىيىملىكلەر» مەنىسىدە) دەپ ئاتىغان. قوزغىلاڭچىلار كارامىتىلەر مەزھىپىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلار فېئوداللىق ئىجارە-باج ۋە ھاشارغا قارشى تۇرۇپ، يەرنى جامائەت مۈلكىگە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، ھەتتا ئىسلام دىنىنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. قوزغىلاڭ 779-يىلى خەلىپە قوشۇنى تەرىپىدىن باستۇرۇۋېتىلگەن. 

سۇرىياۋارمانⅠ

  • سۇرىياۋارمانⅠ[يەشمىسى:] (Surya VarmanⅠ، ؟ — 1050). چېنلا ئاڭكور خاندانلىقى پادىشاھى (1002 — 1050). ئېيتىلىشىچە مالاي يېرىم ئارىلى پادىشاھى تامبىرالىنگانىڭ ئوغلى بولۇپ ئاپىسى چېنلا جەمەتىدىن ئىكەن. 1001-يىلى چېنلاغا كېلىپ پادىشاھلىق تەختىنى تالىشىپ، 1002-يىلى پادىشاھ بولغان. ئۇزاق ۋاقىت داۋام قىلغان ئىچكى ئۇرۇش ئارقىلىق 1011-يىلى مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. شەرقتە كامپاپۇرا بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، غەربتە مېنام دەرياسى ۋادىلىرىغا قاراپ كېڭىيىپ دۋاراپاتى دۆلىتىنى ئىستېلا قىلغان، جەنۇبتا تەسىر كۈچىنى ھازىرقى مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ لىگورغىچە كېڭەيتكەن؛ شىمالدا ھازىرقى لۇئاڭپىرا باڭغىچە كېڭەيتىپ، دۆلەت قۇدرەت تاپقان. مەشھۇر بولغان پادىشاھ ئوردىسى — پېمىناكا ئىبادەتخانىسى بىلەن مىياۋيۇچاجاۋ ئىبادەتخانىلىرىنى سالدۇرغان. 

سۇسا

  • سۇسا[يەشمىسى:] (Susa) ئېلام (Elam) قەدىمكى شەھىرى. پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى. ھازىرقى ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىدىكى تىسا دەرياسى بويىغا (نىشاپورنىڭ جەنۇبىي) جايلاشقان. ئەسلى ئېلام پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى بولۇپ، ئاللىبۇرۇن ماۋرائۇننەھر ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلار بىلەن سودا، مەدەنىيەت ئالاقىسى بولغان. پېرسىيە ئىمپېرىيىسى بۇ يەرگە پايتەخت قۇرغان. دارىئۇس Ⅰ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە كارۋان يولى («خانلىق يولى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ياساتقان، مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى، كىچىك ئاسىيا (ساردىس) ئارقىلىق ئېگېي دېڭىزى بويلىرىغىچە يېتىپ بارغان. شەھەردە مەشھۇر سۇسا ئوردىسى بار. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتتا كۆپ قېتىم ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان. مىلادىدىن 330 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيىلىك ئالېكساندر قوشۇنىنىڭ ۋەيران قىلىشىغا ئۇچرىغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئارخېئولوگلار بۇ يەردىن قەدىمكى شەھەر خارابىسى («سۇسا بىرىنچى قەۋىتى» بىلەن «سۇسا ئىككىنچى قەۋىتى») بىلەن ئوردىنى قېزىپ چىقىپ، مىلادىدىن 3000 يىللار ئىلگىرىكى چاغلاردىكى ئېلام پادىشاھلىقى بىلەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتتىكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسى دەۋرىگە ئائىت زور تۈركۈمدىكى ئاسارئەتىقىلەرگە ئېرىشكەن. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى، قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقىنىڭ «خاممۇرابى قانۇنى» يېزىلغان ئابىدە تاشمۇ شۇ يەردىن قېزىۋېلىنغان.

سۇ سائىتى

  • سۇ سائىتى[يەشمىسى:] چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى سۇنى ئېقىتىش ئارقىلىق ۋاقىتنى ئاپتوماتىك خاتىرىلەپ مەلۇم قىلىدىغان ئەسۋاب. كىمنىڭ كەشپ قىلغانلىقى ۋە ياسىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. سۇ ئاققۇزۇش ئەسۋابى (تۆت دانە چوڭ-كىچىك سۇ چىقىرىش چەينىكى، ئىككى دانە سۇ قوبۇل قىلىش چەينىكى)، ئايلاندۇرۇش ئەسۋابى ۋە ۋاقىتنى ئاپتوماتىك مەلۇم قىلىدىغان ئەسۋابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا 150 تىن 200 گىچە دەستە بولغان. سۇ چىقىرىش چەينىكىدىكى سۇ قوبۇل قىلىش چەينىكىگە ئېقىپ چۈشۈپ لەيلىمە ئوقنى لەيلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۇچىدىكى قۇرۇلما ھەر 40 مىنۇتتا چەينەكنىڭ ئۈستىدىكى جازىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كىچىك تۆمۈر شارچىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ. بۇ شارچە تۆۋەندىكى دەستىنىڭ ئۇچىنى بېسىپ چوڭ تۆمۈر شارچىنى يەنە بىر ئۇچىدىن ئېچىلغان كىچىك تۆشۈكتىن دومىلىتىپ قىيپاش يول بىلەن تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، بىرنەچچە تىرەككە ئورنىتىلغان قۇرۇلمىغا سوقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ياغاچ قورچاق قوڭغۇراقنى جىرىڭلىتىپ ۋاقىتنى، جاڭ ئۇرۇپ جىڭنى مەلۇم قىلىدۇ؛ ھەر ئىككى سائەتتە نۆۋەت بىلەن ۋاقىت كۆرسەتكۈچىنى تىك تۇرغۇزىدۇ. 

سۇغدىيانا

  • سۇغدىيانا[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت. يەنى كانجۇت جاۋۇپ دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. ھازىرقى سەمەرقەند رايونىدا. جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابلىرىدا بىرقانچە خىل ئېلىنغان بولسىمۇ ھەممىسى، «سەمەرقەند» (Samarkand) نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ زېمىنى غەربنىڭ تارىخ كىتابلىرىدىكى سوغدىيانادىن ئىبارەت. مىلادى Ⅴ ئەسىردە ئېفتالىتلار تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۈركلەر ئېفتالىت دۆلىتىنى يوقاتقاندىن كېيىن، تۈركلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان. سودا تەرەققىي قىلغان بولۇپ، «يىپەك يولى» ئۇنىڭ زېمىنىنى كېسىپ ئۆتكەن. مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى غەربىي تۈركلەرنى تارمار قىلغاندا، تاڭ سۇلالىسىگە تەۋە بولغان، تاڭ سۇلالىسى ئۇنىڭ زېمىنىدا كانكىيە تۇتۇق مەھكىمىسىنى قۇرغان. 712-يىلى ئەرەبلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ، تاڭ سۇلالىسىدىن ياردەم سورىغان، تاڭ سۇلالىسى ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى ئېتىبارسىز قالدۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ئەرەب ئىمپېرىيىسىگە قارام بولۇپ كەتكەن. 

سۇفۇكلېس

  • سۇفۇكلېس[يەشمىسى:] (Sophokles، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 496 — 406) قەدىمكى يۇناندىكى ئۈچ چوڭ تراگېدىيە يازغۇچىسىنىڭ بىرى. ئافىناغا يېقىن شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى كولونوستا (Colonos) تۇغۇلغان. دادىسى سو- فىللوس (Sophillos) باي سودىگەر بولغان (تۆمۈرچى دېگەن گەپمۇ بار). ئوبدان تەربىيە كۆرگەن، مۇزىكا، شېئىر، تەنتەربىيە جەھەتلەردىمۇ چېنىققان. ئافىنادا مالىيە ئەمەلدارى، گېنېرال قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 120 نەچچە تراگېدىيە يازغان، ھازىر «شاھ ئودىپوس»، «ئانتىگونې»، «ئېلىكتىرا»، «فروكتېتېس»، «ئېلىس»، «تىسخاس قىزى» ۋە «ئودىپوس كىرونوستا» دېگەن يەتتە تراگېدىيىنىڭ تولۇق نۇسخىسى ۋە بىرنەچچە ئەسىرىنىڭ پارچىلىرى ساقلانماقتا. ئافىنادىكى سەھنە ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىدە 20 نەچچە قېتىم مۇكاپاتلانغان. ياشلىق دەۋرىدە (مىلادىدىن 468 يىل ئىلگىرى) ئەيسكولوستىن ئۈستۈن تۇرغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ۋەقەلىكى كۆپىنچە رىۋايەتلەردىن ئېلىنغان بولۇپ، غايىۋى قەھرىمانلارنىڭ تەقدىر بىلەن ئېلىشىشى تەسۋىرلەنگەن، كۆپىنچە تەقدىرگە تەڭ كېلەلمەسلىك بىلەن ئاخىرلاشقان (مەسىلەن، «شاھ ئودىپوس»)، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە گۈزەل ئەخلاقى مەدھىيىلەنگەن؛ ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى بىرقەدەر مۇكەممەل، ۋەقەلىكى دولقۇنسىمان، تىلى خېلى جانلىق بولغان. ئەنئەنىۋى «ئۈچ چاتما تىياتىر» (ترىلوگىيە) شەكلىنى قوللانمىغان، ئادەتتە بىر تىياتىرنىڭ ئىچىدە بىر ۋەقەلىك باش-ئايىغى بىلەن تولۇق بېرىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە سەھنىگە چىقىدىغان ئارتىس (قەھرىمان) ئىككى كىشىدىن ئۈچ كىشىگە كۆپەيتىلگەن، ئىئونىئان شېۋىسىدىكى دىئالوگلار كۈچەيتىلىپ، خور قىسمى ئازايتىلغان، شۇنداقلا رەڭلىك دېكوراتسىيە قوشۇلغان، تىياتىر مۇزىكىسى ياخشىلانغان، شۇنىڭ بىلەن يۇنان تراگېدىيىسى يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ، ئۆزىنىڭ قېلىپلىشىشىنى تاماملىغان. ئۇنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە كېيىنكى ۋاقىتلاردا ياۋروپانىڭ تىياتىر ساھەسىدە ئابروي قازانغان. 

سۇفى مەزھىپى

  • سۇفى مەزھىپى[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىدىكى مىستىتىزم ۋە زاھىدلىق مەزھىپى. مىلادى Ⅷ ئەسىردە بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئاددىي-ساددىلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، داۋاملىق قوپال يۇڭ رەختتىن كىيىم كىيىپ يۈرگەنلىكتىن كىشىلەر بۇلارنى «سۇفى» (ئەرەبچە Sufi «قوپال يۇڭ توقۇلما كىيىملىكلەر» مەنىسىدە) دەپ ئاتىغان. بۇ مەزھەپ تەلىماتىنىڭ شەكىللىنىشىگە يېڭى ئەپلاتونچىلىق، ھىندىستان يۇگا مەزھىپى، خرىستىئان دىنى بىلەن يەھۇدىي دىنى تەسىر كۆرسەتكەن. كىشىلەرنى نەپسىنى يىغىپ، ھەممە ئارزۇ-ھەۋەستىن ۋاز كېچىپ، زىكرى-تىلاۋەت قىلىش ئارقىلىق ئاللاغا يېقىنلىشىشنى كۆزلەپ، «ئىنسان بىلەن ئاللانىڭ بىرلىكى» دىن ئىبارەت يۈكسەك مەنزىلگە يېتىشنى تەشەببۇس قىلغان. دەسلەپكى پائالىيىتى تەشكىلسىز بولغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ نۇرغۇنلىغان دىنىي گۇرۇھلار شەكىللەنگەن بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇرۇشلۇق ئورنى، رەسىم-قائىدىلىرى ۋە ئىبادەت شەكىللىرى بارلىققا كەلگەن. ئىران، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاپكاز قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى ھېلىمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان دۆلەتلەردە مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. 

سۇكارنو

  • سۇكارنو[يەشمىسى:] (Sukarno ياكى Achmed Soekarno، 1901 — 1970) ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1945 — 1967). سۇرابايادا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ياۋا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئەۋلادى. 1925-يىلى باندۇڭ سانائەت ئىنستىتۇتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن «مەركىزىي تەتقىقات كۇلۇبى» نى تەشكىللەپ، ھەمكارلاشماسلىقنى ۋاسىتە قىلىپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1927-يىلى «مەركىزىي تەتقىقات كۇلۇبى» نى «ھىندۇنېزىيە مىللىي ئىتتىپاقى» غا ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ئىتتىپاقنىڭ رەئىسى بولغان، دەرھال مۇستەقىل بولۇش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1928-يىلى يەنە ھىندۇنېزىيە مىللىي ئىتتىپاقىنى «ھىندۇنېزىيە مىللىي پارتىيىسى» گە ئۆزگەرتكەن. 1929-يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. 1930-يىلى «ھىندۇنېزىيىنىڭ شىكايىتى» ناملىق مەشھۇر ئاقلاش سۆزىنى ئېلان قىلىپ، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ جىنايى قىلمىشىنى قاتتىق سۆكۈپ، ھىندۇنېزىيە خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىكىنى تەلەپ قىلىشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن «ھىندۇنېزىيە پارتىيىسى» گە قاتنىشىپ، رەئىس بولۇپ سايلانغان. 1933-يىلى يەنە تۇتقۇن قىلىنغان، تاكى تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتلىغىچە تۈرمىدە بولۇپ، ياپونىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن. كېيىن ياپونىيە جاھانگىرلىكىگە تايىنىپ، مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش خام خىيالىدا بولغان. ئىلگىرى-ئاخىر ياپونىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان ياللانما تەشكىلات — «خەلق كۈچى مەركىزى»، «ياۋا ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش ئۇيۇشمىسى» ۋە «ھىندۇنېزىيە مۇستەقىللىكىگە تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى» نىڭ رەئىسى بولغان. 1945-يىلى 6-ئايدا، مەملىكەت ئىچىدىكى مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، دۆلەت قۇرۇشنىڭ بەش پرىنسىپى: يەنى، ئاللاغا ئېتىقاد قىلىش، ئىنسانپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك، دېموكراتىيە، ئىجتىمائىي ئادالەتنى ئوتتۇرىغا قويغان. 8-ئاينىڭ 17-كۈنى «مۇستەقىللىك خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، ھىندۇنېزىيىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان. گوللاندىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى قايتا باش كۆتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، 1948-يىلى 12-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، بانكا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1949-يىلى 8-ئايدا گوللاندىيە ھىندۇنېزىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. شۇ يىلى 12-ئايدا ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان. 1950-يىلى بىرلىككە كەلگەن ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىمۇ زۇڭتۇڭ بولغان. 1959-يىلىدىن ئېتىبارەن زۇڭلىلىقنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. ئۇ، ئىزچىل ھالدا جاھانگىرلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاسىيا، ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش يولىدا تۆھپە قوشقان. 1965-يىلدىكى «30-سېنتەبر» ۋەقەسىدىن كېيىن، زۇڭتۇڭلۇق ھوقۇقى پەيدىنپەي تارتىۋېلىنغان. 1967-يىلى 3-ئايدا زۇڭتۇڭلۇقتىن قالدۇرۇلۇپ، نەزەربەند قىلىنغان. 1970-يىل 6-ئاينىڭ 21-كۈنى كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.

سۇكرې

  • سۇكرې[يەشمىسى:] (Antonio Jose de sucre، 1795 — 1830)، جەنۇبىي ئامېرىكا مۇستەملىكىسىنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشى يولباشچىلىرىدىن بىرى. بولىۋىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1826—1828). ۋېنېسۇئېلانىڭ كۇمانا (Kumana) دا تۇغۇلغان. 1811-يىلى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن بولىۋارنىڭ ياردەمچىسى بولغان. كولۇمبىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن كىدو ئۆلكىسى (ھازىرقى ئېكۋادور) گە ئەۋەتىلگەن. 1822-يىلى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، پىچىنچا (Pichincha) جېڭىدە غەلىبە قىلغان. 1824-يىلى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، پېرودىكى خۇنىن (Junin) ۋە ئاياكۇچو (Ayacucho) دىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى جەڭدە ئىسپانىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئىسپانىيە مۇستەملىكىلىرىنىڭ مۇستەقىللىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. 1825-يىلى پوتوسى (Potosi) غا يۈرۈش قىلىپ، يۇقىرى پېرۇنىڭ مۇستەقىللىكىنى جاكارلىغان. بولىۋىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، ئۆمۈرۋايەتلىك زۇڭتۇڭى بولغان. كېيىن كولۇمبىيىدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىشى ۋە پېرونىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. 1830-يىلى بولىۋار بىلەن ھەمكارلىشىپ بۈيۈك كولۇمبىيىنىڭ بۆلۈنۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ نەتىجە چىقىرالمىغان، كېيىنرەك يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن. 

سۇكوتاي خاندانلىقى

  • سۇكوتاي خاندانلىقى[يەشمىسى:] تايلاندتىكى قەدىمكى خاندانلىق. جۇڭگو تارىخىدا شيەنگو دەپ ئاتالغان. 1238-يىلى تاي مىللىتىنىڭ ئاتامانى كۇنباڭ كلاڭتاۋ (Khun Bang Klangtao) كېخمىر ئىمپېرىيىسى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۆزىنى سىرى ئىندرا (Sri Lnd Radity) پادىشاھى دەپ ئاتاپ، سۇكوتاي (Sukhotai، «ھالاۋەت بېگى» دېگەن مەنىدە، ھازىرقى سوڭجيالۇ) نى پايتەخت قىلىپ دۆلەت قۇرغان. راماكامخېڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە (تەخمىنەن 1275 — 1317) زېمىنىنى كېڭەيتىپ، شىمالدا مېكوڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى رايونلارغىچە، جەنۇبتا مالاي يېرىم ئارىلىدىكى لۇكىنخىچە يەتكەن؛ بۇددا دىنى مۇشۇ مەزگىلدە تارقىلىپ كىرگەن؛ تاي تىلىنى كېخمېر يېزىقىدا يازغان، كېيىن تاي يېزىقىنى ئىجاد قىلغان؛ ھىندىستان ۋە جۇڭگو بىلەن زىچ ئالاقە ئورناتقان، بۇ، سۇلالىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولغان. كېيىن پەيدىنپەي زاۋالغا يۈز تۇتقان. تەخمىنەن 1350-يىلى ئايۇتيا خاندانلىقىغا بېقىنغان. 1378-يىلى سۇكوتاي قولدىن كېتىپ، پايتەختى پېكىشلوغا يۆتكەلگەن. 1438-يىلى ئايۇتيا خاندانلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 

سۇگىياماموتو

  • سۇگىياماموتو[يەشمىسى:] (1880 — 1945) ياپونىيىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتى ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن ئەمەلدارى، شتاب مۇئاۋىن باشلىقى، مائارىپ باش تەپتىشى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1937-يىلى 2-ئايدىن 1938-يىلى 6-ئايغىچە ئۇدا خاياشىئوجى ئىچكى كابىنېتى، كونوئى ئىچكى كابىنېتلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان. 1938-يىلى 12-ئايدا «شىمالىي جۇڭگو يۆنىلىش ئارمىيىسى» قوماندانى بولغان. 1939 -يىلى 8- ئايدا ئىچكى موڭغۇلدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ قوماندانلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي ھەربىي مەسلىھەتچى ئەمەلدارلىقىغا يۆتكەلگەن. 1940-يىلى 10- ئايدىن 1944-يىلى 2-ئايغىچە باش شتاب باشلىقى بولغان. 1944-يىلى 7-ئايدا مائارىپ باش تەپتىشى بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي كوئىسو ئىچكى كابىنېتنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1945-يىلى 4-ئايدا بىرىنچى ئارمىيە باش قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ياپونىيە تۇپرىقىدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، 9 -ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

سۇڭ بىڭجۈن

  • سۇڭ بىڭجۈن[يەشمىسى:] (1858 — 1925) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئۆتكەن مىللىي مۇناپىق. خامگىيوڭ ۋىلايىتى، چاڭجىنلىق. ھەربىي ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. 1884-يىلدىكى جياشىن سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، جىن يۈجوننى يوشۇرۇن قەتل قىلىش ئۈچۈن ياپونىيىگە بارغان، لېكىن جىن يۈجون تەرىپىدىن تەسىرلەندۈرۈلۈپ، جىن يۈجوننىڭ يېقىن دوستى بولۇپ قالغان. 1886-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جىن يۈجون بىلەن نىيىتى بىر دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان. مېن يوڭخۇەن (1861 — 1905) ئارىغا چۈشۈپ، ئۇنى تۈرمىدىن قۇتقۇزۇۋالغان. ھۆكۈمەت يەنە قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەندە، ئۇ، يەنە ياپونىيىگە كېتىپ، ئىسمىنى نودا ئىراخېجىروغا ئۆزگەرتىۋالغان. 1904-يىلى ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، تەرجىمان سۈپىتىدە ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە چاۋشيەنگە قايتىپ كەلگەن. ياپون ئارمىيىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يىن شىبىڭ (1859 — 1931) بىلەن بىرلىشىپ «يېڭىلاش ئۇيۇشمىسى» نى تەشكىللەپ «ئامانلىقنى ساقلاش ئۇيۇشمىسى» بىلەن قارشىلاشقان. ئۇ يەنە لى روڭجۇ (1868 — 1912) بىلەن «بىرلىكتە ئىلگىرىلەش ئۇيۇشمىسى» تەشكىللەپ ساتقىن بولغان. 1907-يىلدىن باشلاپ لى ۋەنيوڭ كابىنېتىنىڭ يېزا ئىگىلىك، سودا-سانائەت ۋەزىرى، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. نۇرغۇن قېتىم ئىتوخىروبۇمىغا مەكتۇپ يوللاپ ۋە شەخسەن ئۆزى ياپونىيىگە بېرىپ، ياپونىيە بىلەن كورىيەنى بىرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ياپونىيە چاۋشيەننى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ۋىكوندلىق مەرتىۋە بەرگەن، چاۋشيەن باش ۋالىي مەھكىمىسى زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلىگەن. 1920-يىلى بارونلۇققا كۆتۈرۈلگەن. 

سۇڭ شىلې

  • سۇڭ شىلې[يەشمىسى:] (1607 — 1689) چاۋشيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن كۇڭزىچى ئۆلىما. غەربلىك، ئاقساقاللار گۇرۇھىنىڭ داھىيسى. ئىسمى يىڭفۇ، تەخەللۇسى يۇئەن. چۇڭچوڭ ۋىلايىتى ئېنجىنلىق. 1633-يىلى ئىمتىھان بېرىپ يۇرت موللىسى بولغان. سول قول سىياسىي مەسلىھەت بىرلىكى مەنسىپىدە بولغان. نۇرغۇنلىغان ئاتاقلىق كۇڭزىچى ئۆلىمالار ئۇنىڭ قولىدا ئوقۇپ چىققان بولۇپ، بىر ئەۋلاد كۇڭزىشۇناسلارنىڭ پىرى دەپ ھۈرمەتلىنىپ كەلگەن. غەرب ۋە جەنۇبلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشتا غەربلىكلەر مەغلۇپ بولغانلىقتىن 1675-يىلى خامگيوڭ نامدو ۋىلايىتىنىڭ دېيۇەنگە سۈرگۈن قىلىنغان. 1680-يىلى جەنۇبلىقلار تەختتىن غولىتىلىپ، غەربلىكلەر يەنە بىر قېتىم تەختكە چىققان. ئۇزاق ئۆتمەي غەربلىكلەر ئاقساقاللار، كەنجى ساقاللار گۇرۇھى دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىپ، ئاقساقاللار گۇرۇھىنىڭ داھىيسى بولۇپ قالغان. 1689-يىلى تەخت ۋارىسى بېكىتىش مەسىلىسىدە سۇزۇڭ (لى خىڭ، 1674 — 1720-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ زىتىغا تېگىپ قويغانلىقتىن جەنۇبلىقلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنى قارىلاپ چېجۇ ئارىلىغا پالاتقۇزۇۋەتكەن. كېيىن چۇللا چوكتو ۋىلايىتىنىڭ جېنيى دېگەن يېرىدە پادىشاھنىڭ پەرمانى بويىچە ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان، ئۇنىڭ «سوڭزى ئەسەرلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

سۇلايمان

  • سۇلايمان[يەشمىسى:] (al -Sulayman Tajir) مىلادى Ⅸ ئەسىردە ئۆتكەن ئەرەب سودىگىرى ۋە ساياھەتچىسى. ھىندىستان، جۇڭگو قاتارلىق جايلارنى كېزىپ چىققان. 851-يىلى «شەرققە ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق ساياھەت خاتىرىسىنى يېزىپ چىققان. 880-يىلى ئەبۇزەيىد بۇنىڭ داۋامىنى ئاياغلاشتۇرغان. ئۇ «ماركوپولو ساياھەت خاتىرىسى» مەيدانغا كېلىشتىن ئاۋۋالقى يىراق شەرققە دائىر ئەڭ مۇھىم ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىتابتا ئوماندىن تارتىپ جۇڭگوغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى دېڭىز-ئوكيان ۋە ئاراللارنىڭ ئەھۋالى تەپسىلىي قەيت قىلىنغان. جۇڭگو،بولۇپمۇ گۇاڭجۇنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، دىنى قاتارلىق ئەھۋالى ھەققىدىمۇ توختالغان.

سۇلايمانⅠ

  • سۇلايمانⅠ[يەشمىسى:] (SulaimanⅠ ياكى SulaymanⅠ، 1494 — 1566) تۈرك سۇلتانى (1520 — 1566). لەقىمى «قانۇنچى». سەلىم Ⅰ نىڭ ئوغلى. ئۇ تەختتىكى مەزگىلىدە، ئىچكى جەھەتتىن بىر يۈرۈش قانۇن-پەرمانلارنى ئېلان قىلىپ، ھەربىي ئىشلار، مالىيە ۋە مەمۇرىي ئاپپاراتلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن. سىرتقا قارىتا ھەدەپ كېڭەيمىچىلىك قىلغان. بۇ، ئىمپېرىيىنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1521-يىلى بېلگرادنى بېسى-ۋالغان. 1522-يىلى سانت جون (Saintjohn) رىتسارلار پولكى قولىدىن كىچىك ئاسىيا قىرغىقىدىكى رود ئارىلىنى تارتىۋالغان. 1526-يىلى مۇھاچ جېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋېنگرىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى بېسىۋالغان. 1529-يىلى ۋېناغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ ئالالمىغان. شەرقتە ئىراندىكى سافى خاندانلىقىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ غەربىي قىسمىدىكى زور كۆلەمدىكى زېمىنىنى بېسىۋالغان؛ شۇنىڭدەك ئەسكەر ئەۋەتىپ ئەدەن ۋە يەمەن قاتارلىق جايلارنى تارتىۋالغان. دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا دېڭىزدا دەۋران سۈرگەن. شىمالىي ئافرىقىدا تىرىپولى، تۇنىس ۋە ئالجىرىيە قاتارلىق جايلارنى ئىمپېرىيە زېمىنىغا قوشۇۋالغان. 1535-يىلى تۇنىس مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان. 1536-يىلى سۇلايمان فرانسىيە كورۇلى فرانسىسⅠ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ چارلېس Ⅴ كە قارشى تۇرغان. 1565-يىلى دېڭىز، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى ئەۋەتىپ مالتا ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىپ، قاتتىق مەغلۇپ بولغان. 1655-يىلى يەنە بىر قېتىم ۋېنگرىيىگە يۈرۈش قىلغان. شۇ يىلى 9-ئايدا ۋېنگرىيىنىڭ سىگېتىۋار (Szigetvar) دا ئۆلگەن.

سۇلتان

  • سۇلتان[يەشمىسى:] (Sultan) ئەرەبچە — «نوپۇزلۇق، ئابرويلۇق ئادەم» مەنىسىدە. مىلادى Ⅸ ئەسىردە، ئابباسىيلار خاندانلىقىدىكى تۈرك ئوردا نۆۋكەرلىرىنىڭ باشلىقلىرى بۇ ئۇنۋاننى قوللانغان. ئېيتىلىشىچە غەزنەۋىيلەر خانلىقىدىكى مەھمۇد (998 — 1030-يىللىرى تەختتە بولغان) ئەڭ دەسلەپ سۇلتان دەپ نام ئالغان ھۆكۈمران ئىكەن. 1055-يىلى سەلجۇق تۈركلىرىنىڭ كاتتىبېشى توغرۇلبېك باغدادقا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ئابباسىيلار خاندانلىقىنىڭ خەلىپىسىنى ئۆزىگە سۇلتان ئۇنۋانىنى بېرىشكە مەجبۇر قىلغان. كېيىن نۇرغۇن ئىسلام دۆلىتى ھۆكۈمرانلىرىمۇ بۇ ئۇنۋاننى قوللانغان. ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرىمۇ سۇلتان دەپ ئاتالغان. ⅩⅢ ئەسىردىن ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ۋە 1914 — 1922-يىللىرىدىكى مىسىر ھۆكۈمرانلىرى ھەمدە ئومان ھۆكۈمرانلىرى قاتارلىقلارمۇ سۇلتان ئۇنۋانىنى قوللىنىپ كەلگەن. 

سۇلتان ئاگۇڭ

  • سۇلتان ئاگۇڭ[يەشمىسى:] (Sultan Agung، ؟ — 1645). ھىندۇنېزىيىدىكى ماتارام دۆلىتىنىڭ (ئىسلام) سۇلتانى (1613 — 1645) تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە ياۋانى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشقان. 1625-يىل، ياۋا ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى مۇھىم بازار — سورابايانى ئېلىپ، كېيىن كىرېبون قاتارلىق جايلارنىمۇ ئىشغال قىلىپ، تەسىر كۈچىنى سۇماترا ۋە كالىمانتاننىڭ بانجار ماچىنغىچە كېڭەيتكەن. ئاگۇڭ ئۆزىنى سۇسۇخۇنان (Susuhunan، «پادىشاھ ئالەمنى ئېلىش ئالدىدا» دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغان. 1628-ۋە 1629-يىللىرى ئىككى نۆۋەت گوللاندىيە ئىشغالىيىتىدىكى باتاۋىيە (Batavia ھازىرقى جاكارتا) نى قورشاۋغا ئېلىپ ھۇجۇم قىلىپ ئالالمىغان. 1642-يىلى، پالېمباڭنىڭ گوللاندىيە تاجاۋۇزىغا قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، دېڭىز ئارمىيىسىنى ئەۋەتكەن، دېڭىزدا گوللاندىيە فلوتى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغان. ئاگۇڭ پەلسەپە، ئەدەبىيات ۋە سەنئەتنى رىغبەتلەندۈرگەن. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر پارچە پەلسەپە ئەسەر يېزىپ چىققان.

سۇللا

  • سۇللا[يەشمىسى:] (Lucius Cornelius Sulla، مىلادىدىن ئىلگىرى 138 — 78) قەدىمكى رىم باش قوماندانى. مۇستەبىت. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بۇرۇن مارىئۇسنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردە بولۇپ، نومىدىيە (شىمالىي ئافرىقىدا) پادىشاھى يۇگۇرتاغا قارشى ئۇرۇشقا (مىلادىدىن ئىلگىرى 106 — 105) ۋە شىمالدىكى گېرمانلارغا قارشى ئۇرۇشقا (مىلادىدىن ئىلگىرى 102 — 101) قاتناشقان ھەمدە باش سودىيە بولغان (مىلادىدىن 93 يىل ئىلگىرى). مىلادىدىن ئىلگىرى 90 — 88 يىللىرى ئىتالىيىدىكى ئىتتىپاقچىلار ئۇرۇشىغا قاتناشقان. مارىئۇس بىلەن قاتتىق ھوقۇق تالاشقان. مىلادىدىن 88 يىل ئىلگىرى سناتورلارنىڭ قوللىشى بىلەن كونسۇل بولۇپ، قوشۇن تارتىپ شەرققە (مېترىدات ئۇرۇشى) يۈرۈش قىلغان. مارىئۇس تەرەپدارلىرى ئۇنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى ئويلىشىۋاتقاندا، سۇللا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ رىم شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ، مارىئۇس تەرەپدارلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، شەرققە يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغان. مارىئۇس كېننا بىلەن بىرلىشىپ رىمدا ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ، سۇللانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۆلتۈرگەن. شەرقتە مىترىدات Ⅵ نى مەغلۇپ قىلىپ، مىلادىدىن 84 ياكى 83 يىل ئىلگىرى، 40 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ ئىتالىيىگە قايتىپ كەلگەن. مارىئۇس تەرەپدارلىرى قارشىلىق كۆرسىتىپ (مارىئۇس بۇ چاغدا ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن) مەغلۇپ بولغان. سۇللا رىمغا كىرىپ (مىلادىدىن 82 يىل ئىلگىرى) مارىئۇس تەرەپدارلىرىنى «ئورتاق دۈشمەن» دەپ جاكارلاپ، ھەدەپ قىساس ئېلىپ، قىرغىن قىلغان؛ مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلغان. ئۆزى ئۆمۈرۋايەتلىك دىكتاتۇر بولۇۋالغان. سىناتورلار بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ كۆپى سۇللاچىلاردىن بولغان. پۇقرالار يىغىنى بىلەن خەلق ترىبون-لىرى قۇرۇق نەرسە بولۇپ قالغان. ئاقسۆڭەك قۇلدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئاددىي خەلققە پايدىلىق بولغان بارلىق تەدبىرلەر (مەسىلەن، ئەرزان باھا بىلەن ئاشلىق تارقىتىپ بېرىش قاتارلىق) بىكار قىلىنغان. تالان-تاراج قىلىۋالغان يەرلىرىنى 120 مىڭ پارچىغا بۆلۈپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن «پېشقەدەم ئەسكەر» لىرىگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن. مىلادىدىن 79 يىل ئىلگىرى ئۇ ئۆمۈرۋايەتلىك دىكتاتۇرلۇق مەنسىپىدىن ۋاز كېچىپ، پۇتولى (Puteoli، كامپانىيىدە) دىكى قورۇقىغا كەتكەن. بىراق رىمنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. مىلادىدىن 78 يىل ئىلگىرى كېسەل بولۇپ ئۆلگەن. پادىشاھلارچە دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ھەربىي ھاكىممۇتلەقلىكى رىم جۇمھۇرىيىتىگە قاتتىق زەربە بولغان. 

سۇللىي

  • سۇللىي[يەشمىسى:] (Maximilien de Bethune Duc de Sully، 1560 — 1641) فرانسىيە كورۇلى ھېنرىي Ⅳ نى-ڭ ۋەزىرى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. پروتىستانت خۇگېنوت ئۇرۇشى داۋامىدا ھېنرىينى قوللاپ، خرىستىئان دىنىي ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرغان. كېيىن ھېنرىي خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلغان. 1598-يىلدىن باشلاپ مالىيە ۋەزىرى بولغان، دۆلەت خەزىنىسى كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، بىۋاسىتە باجنى كېمەيتىپ، ۋاسىتىلىك باجنى كېڭەيتكەن ھەمدە يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، قاتناش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كويىدا بولغان. ھېنرىي Ⅳ سۇيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلگەندىن كېيىن، 1611-يىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرى بار.

سۇلۇ دۆلىتى

  • سۇلۇ دۆلىتى[يەشمىسى:] (Sulu) فىلىپپىندىكى قەدىمكى دۆلەت. سۇلۇ تاقىم ئاراللىرىغا جايلاشقان. ⅩⅣ ئەسىردىكى جۇڭگو يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ۋاڭ دايۇەننىڭ «ياقا ئاراللارنىڭ قىسقىچە تەزكىرىسى» ناملىق ئەسىرىدە بۇ يەر قەيت قىلىنغان. مەرۋايىتى بىلەن داڭق چىقارغان. ⅩⅣ ئەسىردە بۇ ئارال شەرق، غەرب ۋە دۇڭ دەپ ئۈچ پادىشاھلىققا بۆلۈنگەن. 1417-يىلى (مىڭ سۇلالىسى يۇڭلېنىڭ 15-يىلى) شەرقىي-غەربىي ۋە دۇڭ پادىشاھلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان. شەرق پادىشاھى بادوغا بادالا مەملىكىتىگە قايتىش ۋاقتىدا دېجۇدا ۋاپات بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى ھۈرمەت بىلەن دەپنە قىلغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئاخىرى بۇ يەرگە ئىسلام دىنى تارقىلىپ ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن سۇلتان ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان. ⅩⅥ ئەسىردە، ئىسپانىيىنىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرۈپ، ئۇزاق ۋاقىت مۇستەقىللىكنى ساقلاپ كەلگەن.

سۇلۇق

  • سۇلۇق[يەشمىسى:] (Faustin Elie Soulouque، 1785 — 1867) ھايتى پادىشاھى (1849 — 1859). نېگىر قۇلنىڭ ئوغلى بولۇپ، ساۋاتسىز. 1803-يىلدىكى فرانسىيىگە قارشى قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ، كېيىن پەيدىنپەي قوشۇندا ھوقۇققا ئېرىشكەن. 1847-يىلى ھايتى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا تەيىنلەنگەن. 1849-يىلى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئورناتقان. ئۆزىنى «پادىشاھ فائۇستىن Ⅰ» (Faustin) دەپ ئاتىۋالغان. ئىككى قېتىم ئەسكەر چىقىرىپ دومىېنىكا جۇمھۇرىيى-تىگە تاجاۋۇز قىلىپ (1849 — 1855-يىللىرى) مەغلۇپ بولغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە ۋەھشىيانە ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ، ئىگىلىكنى ۋەيران قىلىپ، قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىغان. 1859-يىلى 1-ئايدا ئاغدۇرۇپ تاشلانغان، كېيىن يامايكىغا قېچىپ كەتكەن. 

سۇلىت

  • سۇلىت[يەشمىسى:] (Nicolas Jean de Dieu soult، 1769 — 1851) فرانسىيە مارشالى. ھەربىي ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1794-يىلى 6-ئايدىكى فلېئۇرۇس (Fleurus) جېڭىدە خىزمەت كۆرسىتىپ گېنېراللىققا كۆتۈرۈلگەن. 1804-يىلى فرانسىيە مارشالى ئۇنۋانى بېرىلگەن. 1805 — 1807-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئۇلم (Ulm)، ئۇستېرلىتىس، يېنا، ئېلائۇ (Eylau) قاتارلىق جايلاردىكى جەڭلەرگە قاتنىشىپ، دالماتسىيە گېرتسوگى قىلىپ تەيىنلەنگەن. 1808-يىلنىڭ ئاخىرى ئىسپانىيىدىكى يېرىم ئارال ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئەنگلىيە قوشۇنى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. بىرىنچى بوربون خاندانلىقى تىرىلگەندە خان جەمەتىگە ساداقەتلىك بىلدۈرگەن. يۈز كۈنلۈك خاندانلىق مەزگىلىدە ناپولېئوننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، باش شتاب باشلىقى بولغان. ئىككىنچى بوربون خاندانلىقى تىرىلىش مەزگىلىنىڭ باشلىرىدا سۈرگۈن قىلىنغان، 1819-يىلى كەچۈرۈم قىلىنغان. ئىيۇل خاندانلىقى مەزگىلىدە ئۈچ نۆۋەت مىنىستىرلار كابىنېتى باش ۋەزىرى (1832 — 1834، 1839 — 1840، 1840 — 1847) بولغان ھەمدە گېنېراللىسسىمۇسلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئۈچ توملۇق «ئەسلىمىلەر» ناملىق ئەسىرى بار.

سۇماكۋېل

  • سۇماكۋېل[يەشمىسى:] (Sumakwil) ⅩⅢ ئەسىردىكى فىلىپپىن پاناي ئارىلىنىڭ ھۆكۈمرانى. ئەسلىدە كالىمانتان ئارىلىنىڭ قەبىلە ئاقساقىلى. تەخمىنەن 1250-يىلى قەبىلە ئەزالىرىنى باشلاپ دېڭىزدىن ئۆتۈپ، پاناي ئارىلىغا كېلىپ، بۇ ئارالنىڭ داتۇسى (Datu) بولغان. «ماراتاس قانۇنى» نى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇ، فىلىپپىندىكى ئەڭ دەسلەپكى يازما قانۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سۇمېر

  • سۇمېر[يەشمىسى:] (Sumer) مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبى (ئىفرات ۋە تىگر دەريالىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى) دىكى رايونلارنىڭ قەدىمكى نامى. ھازىرقى ئىراق تەۋەسىدە. مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرى ئۆپچۆرىسىدىلا سۇمېرلار بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. مىلادىدىن تەخمىنەن 3000 يىل ئىلگىرى بۇ يەردە ئارقا-ئارقىدىن قۇللۇق تۈزۈمدىكى ئېرىدۇ، ئۇر، ئۇرۇك، لاگاش، كېش قاتارلىق بىرمۇنچە شەھەر دۆلەتلىرىنى قۇرغان. ئۇزاق داۋام قىلغان ئۇرۇش مالىمانچىلىقى داۋامىدا، ئۇرۇك، ئۇر، كېش ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈستۈنلۈك قازانغان. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، لاگاش ئۇر، ئېرىدۇ، ئۇرۇكنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇۋالغان. پادىشاھى ئۇرۇكا گېنا ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. كېيىن ئۇمما لاگاشنى يوقىتىپ، مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىككە كەلتۈرگەن. مىلادىدىن تەخمىنەن 2371 يىل ئىلگىرى شىمالدىكى سەمىتلەردىن ئاككادلار باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، سۇمېر رايونى ئاككاد پادىشاھلىقى زېمىنىغا قوشۇۋېلىنغان. سۇمېر قەدىمكى زامان مەدەنىيەت مەنبەلىرىدىن بىرى بولۇپ، سۇمېرلار مېسوپوتامىيە مەدەنىيىتىگە ناھايىتى زور ھەسسە قوشقان. 

سۇمېرلار

  • سۇمېرلار[يەشمىسى:] (Sumerian) مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسىم رايونى (ھازىرقى ئىراق تەۋەسىدە) دا ئولتۇراقلاشقان قەدىمكى زامان خەلقىنىڭ نامى. مىلادىدىن تەخمىنەن 4000 يىللار ئىلگىرى ئۆپچۆرىسىدە ئوبېد مەدەنىيىتى دەۋرىدە بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن. ئۇلارنى بەزىلەر شەرقىي تاغلىق رايوندىن كەلگەن دېيىشسە، يەنە بەزىلەر كاسپى دېڭىزى ئەتراپىدىن كەلگەن دەيدۇ. تاشقى قىياپەت خۇسۇسىيىتى بويى پاكار، تىمەن، باش سۆڭىكى يۇمىلاق، قاڭشىرى ئېگىز، بوينى قىسقا، تاقىرباش كەلگەن بولۇپ، قايسى ئىرققا تەۋەلىكى ئېنىق ئەمەس. مىلادىدىن 3000 يىللار ئىلگىرى مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئېرىدۇ، ئۇر، ئۈرۈك، لاگاش قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرىنى بەرپا قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅣ ئەسىردە سەمىتلەرنىڭ ئاككاد پادىشاھلىقى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. مىلادىدىن 3000 يىللار ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە سۇمېرلار بىلەن ئاككادلار پەيدىنپەي قوشۇلۇپ كەتكەن. سۇمېرلار مېسوپوتامىيە ۋادىسى مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغۇچىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سۇمېر يېزىقى (مىخ يېزىق) ھازىرغىچە مەلۇم بولغان يېزىقلار ئىچىدە ئەڭ قەدىمكى يېزىقلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ فىنكىيە يېزىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. كېيىنكى غەربىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ يېزىقىنىڭ پەيدا بولۇشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. 

سۇمىتومو مالىيە ماگناتى

  • سۇمىتومو مالىيە ماگناتى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئاۋۋالقى ياپونىيىدىكى تۆت چوڭ مالىيە زومىگەرلىرىنىڭ بىرى. سۇمىتومو جەمەتى توكۇگاۋا شوگۇنلۇقى دەۋرىدىكى بېشىي مىس كېنىغا تايىنىپ باش كۆتۈرگەن. مېيجى يېڭىلىقىدىن كېيىن، بېشىي مىس كېنىنى داۋاملىق باشقۇرۇپ كەلگەن ھەمدە سانائەت، ئورمانچىلىق، پۇل مۇئامىلە، سودا ساراي قاتارلىق ساھەلەرگە قاراپ كېڭىيىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ سۇمىتومو بانكىسى (1895)، سۇمىتومو مىس قازمىچىلىقى (1897)، سۇمىتومو سودا سارىيى (1899) سۇمىتومو پولات قۇيمىچىلىقى (1901) قاتارلىق شىركەت-كارخانىلارنى ئاچقان. سۇمىتومو مالىيە ماگناتىنىڭ مەركىزى مۇئەسسەسەسى بولغان سۇمىتومو سودا كومپانىيىسى 1875-يىلى قۇرۇلغان، 1909-يىلى سۇمىتومو باش سودا كومپانىيىسىگە، 1921-يىلى سۇمىتومو بىرلەشمە كاپىتال شىركىتىگە، 1937-يىلى سۇمىتومو ھەسسىدارلىق كومپانىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا سۇمىتومو كومپانىيىسىگە بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك تەۋە بولغان شىركەتلەر 135 كە يېتىپ، ئۇلارنىڭ نومىنال كاپىتالى 1 مىليارد 900 مىليون يىنغا يەتكەن. بۇ كومپانىيە مىتسۇئى، مىتسىدۇ، بېشىيلەردىن قالسا ياپونىيە بويىچە ئۈچىنچى چوڭ مالىيە ماگناتىغا ئايلانغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، بۇ كومپانىيە مالىيە ماگناتى سۈپىتىدە تارقىتىۋېتىلگەن. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي كارخانا گۇرۇھى شەكلى بىلەن راۋاجلىنىپ، كارخانا گۇرۇھىغا ئايلانغان. 1977-يىلى بۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانىلار 21 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى بانكا، ئىككى ستراخۋانىيە شىركىتى ۋە 17 سودا -سانائەت كارخانىلىرى بولغان. 21 كارخانىنىڭ دىرېكتورلىرى «شىرامىزۇ كومپانىيىسى» نى تەشكىل قىلىپ، مالىيە گۇرۇھىنىڭ زور پائالىيەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ كەلگەن. 

سۇن بىڭشى

  • سۇن بىڭشى[يەشمىسى:] (1861 — 1922) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ئۆتكەن دىنىي ئالىم. تەڭرى يولى دىنىي ئاساسچىسى. تەخەللۇسى يىئەن. چۇڭچوڭ ۋىلايىتى، چوڭجۇ ئايمىقىلىق. 1882-يىلى دۇڭشۆداڭ پىرقىسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ سۈي شىخېڭنىڭ مۇخلىسى بولغان. 1894-يىلى دۇڭشۆ داڭ پىرقىسى قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، قوشۇننى باشلاپ چۇەنپېڭجۇن قوشۇنى بىلەن لۇنشەن تېغىدا ئۇچرىشىپ ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان، لېكىن بۇ ئىشقا ياپون ئارمىيىسى ئارىلاشقانلىقى ئۈچۈن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ۋونسان كاڭجى ئەتراپىغا يوشۇرۇنۇۋالغان. 1897-يىلى دۇڭشۆداڭ پىرقىسىنىڭ 3-ئەۋلاد دىنىي باشلىقى بولغان. 1901-يىلى ياپونىيە ئارقىلىق جۇڭگوغا كېلىپ شاڭخەيدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىدا ئىسمىنى لى شياڭشيەن دەپ ئۆزگەرتكەن. كېيىن ياپونىيىگە كەتكەن. 1905-يىلى لى روڭجيۇ قاتارلىقلارنىڭ ياپونىيەپەرەس بىرلىكتە ئىلگىرىلەش ئۇيۇشمىسىنى قۇرغانلىقىدىن غەزەپلىنىپ، شەرق ئىلمىي پارتىيىسىنى تەڭرى يولى دىنىغا ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن. 1906-يىلى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن «تەڭرى يولى دىنى بۈيۈك ئەقىدىلىرى» نى ئېلان قىلىپ، سىئۇل شەھىرىدە تەڭرى يولى دىنىنىڭ باش شتابىنى تەسىس قىلىپ، ئۆزى دىنىي باشلىق بولغان. لى روڭجيۇ قاتارلىق 60 نەچچە كىشىنى تەڭرى يولى دىنىدىن قوغلاپ چىقارغان. 1908-يىلى دىنىي ئىشلارنى پياۋيەنخاۋغا تاپشۇرۇپ بېرىپ ئۆزى دەرۋىش بولغان. 1919-يىلى 1-مارت ھەرىكىتىدە 33 ۋەكىلنىڭ بىرى بولۇپ «مۇستەقىللىك خىتابنامىسى» غا بىرىنچى بولۇپ ئىمزا قويغان. قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن كېسەل سەۋەبى بىلەن، كېپىللىك بىلەن تۈرمىدىن چىققان.

سۇندا دۆلىتى

  • سۇندا دۆلىتى[يەشمىسى:] (Sunda) ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ياۋا ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. Ⅺ ئەسىردىن بۇرۇن قۇرۇلغان. دەسلەپ سىرىۋىجاياغا قارىغان بولۇپ، كېيىن مۇستەقىل بولغان. ⅩⅣ ئەسىردە پاكۇئان (Pakuan، بۈگۈنكى بېيتېنزورگنىڭ يېنىدا) نى پايتەخت قىلغان. مادجاپاشىت دۆلىتىگە قارشى جەڭ قىلىپ، مۇستەقىللىكنى قوغداپ قالغان. ⅩⅤ ئەسىردە تاشقى سودا راۋاج تاپقان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا بانتېن دۆلىتى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 

سۇندت

  • سۇندت[يەشمىسى:] (Eilert Lund Sundt، 5781 - 7181). نورۋېگىيىلىك سوتسولوگ، ستاتىستىكا ئالىمى. دەسلەپتە ئىلاھىيەتنى ئوقۇغان، كېيىن جەمئىيەتتىكى تۆۋەن قاتلام خەلقنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ چىقارغان. 8681 - 0581-يىللاردا پۈتكۈل مەملىكەتنى ئايلىنىپ چىققان. 1864-يىلى كرىسدىنيانا ئىشچىلار جەمئىيىتىنى قۇرغان ھەمدە ئۇنىڭغا رەئىس بولغان. يەنە نورۋېگىيە پۇقرالار مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، بۇ جەمئىيەت چىقارغان «خەلقنىڭ دوستى» دېگەن ئوبزور ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى بولغان. ئۇنىڭ «نورۋېگىيە سىگانلىرى ياكى كۆچمەنلىرى توغرىسىدىكى دوكلات. ئەڭ تۆۋەن ئىجتىمائىي تەبىقە ئۈستىدىكى تەتقىقات»، «نورۋېگىيىنىڭ ئائىلە سانائىتى»، «نورۋېگىيىدىكى نىكاھلىنىش» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇ يەنە ئىجتىمائىي ستاتىستىكا ئىلمى ۋە نورۋېگىيىنىڭ نوپۇس ستاتىستىكا ئىلمى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ باشلامچىلىق خاراكتېرىدىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.

سۇندسۋالدىكى ئىش تاشلاش

  • سۇندسۋالدىكى ئىش تاشلاش[يەشمىسى:] ⅩⅨئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا شۋېتسىيىنىڭ سۇندسۋال (Sundsvau) رايونىدىكى ئىشچىلارنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشى. 1879-يىل 5-ئاينىڭ 26 -كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە سۇندسۋال رايونىدىكى پەن زاۋۇتىنىڭ 5000 دەك ئىشچىسى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ستېخىيىلىك ھالدا بىرلىشىپ چوڭ ئىش تاشلاپ، كاپىتالىستلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق مەزگىلىدە ئىشقا قاراپ بېرىلىدىغان تۆۋەن ئىش ھەققى تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن. ھۆكۈمەت دەرھال قوشۇن ئەۋەتىپ بۇ قېتىمقى ئىش تاشلاشنى باستۇرغان. 

سۇنديات-ا

  • سۇنديات-ا[يەشمىسى:] (Soundiata ؟ - 1255) مالى دىئاتا (Mali Diata) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مالى پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (5521 - 0321). كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇپ، نېگىر دەرياسى بويلىرىدىكى كىچىك بەگلىكلەرنى قوشۇۋالغان. 1235-يىلى سوسو پادىشاھلىقى ۋە گانا پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرغان. مەمۇرىي ئورگانلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جايلارغا باش ۋالىي ئەۋەتىپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1255-يىلى ئوق تېگىپ ئۆلۈپ كەتكەن. 

سۇنگا سۇلالىسى

  • سۇنگا سۇلالىسى[يەشمىسى:] (Sunga) قەدىمكى ھىندىستاندىكى ماگادھا سۇلالىسى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 187- 75). تەخمىنەن مىلادىدىن 187 يىل ئىلگىرى سۇنگا مىللىتىدىن پۇشيامى-ترا (Puyamitra) ماۋوريا سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى بۇلھادرادانى قەتل قىلىپ، ئۆزىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن (مىلادىدىن ئىلگىرى 781 - 151) ۋە سۇنگا سۇلالىسىنى قۇرۇپ، يەنىلا پاتالىپۇترا شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 10 پادىشاھ تەختتە ئولتۇرغان، ئۇ چاغدا ماگادھا دۆلىتىنىڭ زېمىنى كۆپلەپ ئازىيىپ، ئاساسلىقى پاتالىپۇترا شەھىرىدىن نابادا دەرياسىغىچە بولغان جايلار قېپقالغان، پەنجاپ رايونىدىمۇ بەلگىلىك كۈچى ساقلانغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 75 يىل ئىلگىرى ئاخىرقى پادىشاھ دېۋابھۇمى (Devabhumi) بىر ئايال قۇل تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان، ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىنى پىلانلىغۇچى براخمان چوڭ ۋەزىر فاسوربا تەختنى تارتىۋالغان، كانۋا خانلىقى مەزكۇر سۇلالىنىڭ ئورنىنى ئالغان.

سۇننى ئەلى

  • سۇننى ئەلى[يەشمىسى:] (Sonni Ali ياكى Sunni Ali، ؟ 2941 -) ئىمپېراتور ئەلى بېر (Ali Ber) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۇنگاي پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى. 1464-يىلى تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. 1465-(ياكى 1468-) يىلى تىمبۇكتۇنى ئىشغال قىلىۋالغان. تەخمىنەن 1473-يىلى سودا شەھىرى جىننې (Jenne) نى ئىشغال قىلىۋالغان. كېيىن موسسىسلارنى يەڭگەن، پورلارغا يۈرۈش قىلغان. سونگاي پادىشاھلىقىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان. 1492-يىلى نېگىر دەرياسىدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن. 

سۇننى مەزھىپى

  • سۇننى مەزھىپى[يەشمىسى:] (Sunni) ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ چوڭ مەزھەپ. سۇننەت (Sunnah ئەرەبچە «ھەرىكەت»، «يول» دېگەن مەنىدە) تىن كەلگەن بولۇپ، سۇننەتكە ئەمەل قىلغۇچىلار دېگەنلىك. «قۇرئان» غا ئېتىقاد قىلىدۇ، «ھەدىس» كە ئەمەل قىلىدۇ، ئۆزىنى ئەنئەنىچىلەر دەپ ئاتايدۇ. سىياسىي جەھەتتە شىئە مەزھىپى بىلەن قارىمۇ قارشى. ئۇلار ئەڭ دەسلەپكى تۆت خەلىپىنى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ قانۇنىي ۋارىسى دەپ ئېتىراپ قىلغان. خەلىپىلەرنىڭ ھەم ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولغان. ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ مەزھەپنىڭ فىقھشۇناسلىقى تەرەققىي تاپقان، ھەنەفىي، شافىي، مالىك، ھەنبەلىيدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئېقىم مەيدانغا كەلگەن. 

سۇ ئۈستى بىناكارلىقى

  • سۇ ئۈستى بىناكارلىقى[يەشمىسى:] بۇ كۆل ئۈستىدىكى ئولتۇراق جاي دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆل بويىدىكى پەس، نەم جايغا ياغاچنى تۈۋرۈك قىلغاندىن كېيىن سېلىنغان ئۆي. 4581 - 3581 -يىلىدىكى قاتتىق قۇرغاقچىلىققا شۋېتسارىيىنىڭ سىيورېخ كۆلى تەكتىدىن تېپىلغان كۆل ئاھالىسىنىڭ خارابىسى ئەڭ مەشھۇر بولۇپ، ياۋروپا يېڭى تاش قورال دەۋرى مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن. كېيىن شۋېتسارىيىدىكى كۆل-سازلىقنى مەركەز قىلغان كەڭ رايوندىن، جۈملىدىن دۇناي دەرياسى ۋە رېين دەرياسى رايونلىرىدىنمۇ بايقالغان. بۇ خىل قۇرۇلۇش تاكى برونزا دەۋرىگە قەدەر ئىشلىتىلگەن. 

سۇ ئۈستىدىكى كامبۇدژا

  • سۇ ئۈستىدىكى كامبۇدژا[يەشمىسى:] تەخمىنەن مىلادى 706-يىلىدىن كېيىن كامبۇدژا جەنۇبىي كامبۇدژا ۋە شىمالىي كامبۇدژا دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. جەنۇبىي كامبۇدژا دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان، كۆل ۋە سازلىقلار كۆپ بولغاچقا، سۇ ئۈستىدىكى كامبۇدژا دەپ ئاتالغان (شىمالىي قىسمى قۇرۇقلۇقتىكى كامبۇدژا دېيىلگەن). بروتىب شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. Ⅸ ئەسىردە سۇ ئۈستىدىكى كامبۇدژا قۇرۇقلۇقتىكى كامبۇدژا يەنى كامبۇدژادىكى ئاڭكۇر سۇلالىسى بىلەن بىرلەشكەن. 

سۇۋوروۋ

  • سۇۋوروۋ[يەشمىسى:] (Александр Васильевич Суворов، 1729-ياكى 1730 - 1800). روسىيە مارشالى. ئوفىتسېر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كىچىكىدىن تارتىپ ھەربىي ئىشلارغا دائىر كىتابلارنى ئوقۇغان. 1748-يىلى گۋاردىيە پىيادە ئەسكەرلەر پولكىغا كىرگەن. يەتتە يىللىق ئۇرۇش (1756 - 1763) ۋە روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى (4771 - 8671، 1971 - 7871) لىرىغا قاتنىشىپ، كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن. 1791 - 1794-يىللىرى فىنلاندىيە ۋە جەنۇبىي روسىيىدە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1794-يىلى پولشا مىللىي قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىپ، مارشاللىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1796-يىلى جەنۇبىي روسىيىدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ قوماندانى بولغان. 1797-يىلى ئىمپېراتور پاۋېل Ⅰ نىڭ پرۇسسىيە ھەربىي تۈزۈمىنى يولغا قويۇشىغا قارشى چىققانلىقى تۈپەيلىدىن دەرىجىسىنى چۈشۈرۈپ يۇرتىغا قايتۇرۇۋەتكەن. 1799-يىلى خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئىتالىيىگە ئەسكەر باشلاپ كىرگەن، روسىيە-ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان، فرانسىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن ئالپ تاغلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، شۋېتسارىيىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان روسىيە ئارمىيىسىگە ياردەم قىلىپ، غەلىبە قازىنىپ گېنېراللىسمۇسلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1800-يىلى يەنە پاۋېل Ⅰ ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. ئۇنىڭ «غەلىبە قازىنىش ئىلمى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

سۇۋېلەر

  • سۇۋېلەر[يەشمىسى:] (Suevi) سۇبىلەر (Cuebi) ياكى سۇئىبىلەر دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. قەدىمكى گېرمانلارنىڭ بىر تارمىقى. كائېسارنىڭ خاتىرىلىشىچە (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى) سۇۋىلەر رېين دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى جايلارغا تارقالغان بولۇپ، باتۇر، ئۇرۇشقا ماھىر بولغان. ئېيتىلىشىچە ئۇلاردا 100 يېزا-بازار (Pagus ياكى Canton قىسىم دەپ تەرجىمە قىلىنغان) بولۇپ، يىلىغا ھەربىر يېزا-بازاردىن مىڭ ئەسكەر ئېلىپ سىرتقا چىقىپ ئۇرۇش قىلىپ تۇرغان، قالغان كىشىلەر ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغان؛ ياندۇرقى يىلى ئالماشتۇرۇلۇپ كېلىنگەن. سۇۋېلەر پات-پات كۆچۈپ تۇرغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ مۇقىم تۇرۇشلۇق زېمىنى بولمىغان؛ قەدىمكى يازغۇچىلارنىڭ مۆل-چەرلىشىچە، ئۇلار گېرمانىيىنىڭ (Garmania) كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالغان. تاتسېتنىڭ (مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئاخىرى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرى) خاتىرىسى بويىچە دۇناي دەرياسىدىن تارتىپ بالتىق دېڭىزى قىرغاقلىرىغىچە بولغان پۈتكۈل شەرقىي گېرمانىيە رايونى سوبىيە (Suebia) دەپ ئاتىلىدىكەن. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىلى (Ⅴ - Ⅲ ئەسىرلەر) سۇۋېلەر ئىمپېرىيە چېگرىسىغا ھۇجۇم قىلغۇچى بىر كۈچ بولۇپ قالغان. 409-يىلى بىر قىسىم سۇۋېلەر ۋانداللار، ئالانىلار بىلەن بىرلىشىپ، گاللىيە ئارقىلىق ئىمپېرىيە يېرىم ئارىلىغا باستۇرۇپ كېلىپ، يېرىم ئارالنىڭ غەربىي شىمالىدا سۇۋېلەر پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 585-يىلى غەربىي گوتلار تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنغان. 

سۇيۇرغال بېگى

  • سۇيۇرغال بېگى[يەشمىسى:] «سۇيۇرغال- لىق تۈزۈمى» گە قارالسۇن. 

سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى

  • سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى[يەشمىسى:] لاتىنچە beneficium دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، «تارتۇق قىلىش» دېگەن مەنىدە. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى غەربىي ياۋروپادىكى بىر خىل فېئوداللىق يەر ئىگىلەش تۈزۈمى. مىلادى Ⅷ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى، فرانك پادىشاھلىقىنىڭ ئوردا ۋەزىرى (ھۆكۈمرانى) چارلېس مارتېل بۇ تۈزۈمنى ئالدى بىلەن يولغا قويغان. بۇ تۈزۈم يەرلەرنى ئاقسۆڭەكلەرگە شەرتسىز ھەدىيە قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت بۇرۇنقى كونا رەسمىيەتنى ئۆزگەرتكەن. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: سۇيۇرغال تارتۇق قىلغۇچى (زېمىندار) سۇيۇرغالغا ئىگە بولغۇچى (بېقىندى فېئودال) غا يەر (سۇيۇرغال) تارتۇق قىلىپ بېرىدۇ، سۇيۇرغالغا ئىگە بولغۇچى، سۇيۇرغال تارتۇق قىلغۇچىغا نىسبەتەن مۇئەييەن مەجبۇرىيەتنى، ئاساسلىقى ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. سۇيۇرغال ئۇنىڭ ئۆزىگىلا مەنسۇپ بولۇپ، مىراس قالدۇرۇشقا بولمايدۇ. سۇيۇرغال تارتۇق قىلغۇچى ياكى سۇيۇرغالغا ئىگە بولغۇچى ئۆلۈپ كەتسە، سۇيۇرغال سۇيۇرغال تارتۇق قىلغۇچىغا ياكى ئۇنىڭ مىراسخورىغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى شەرت. سۇيۇرغالغا ئىگە بولغۇچى ياكى ئۇنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرى سۇيۇرغالدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولماقچى بولسا، قايتىدىن رەسمىيەت ئۆتىشى كېرەك. سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى غەربىي ياۋروپا فېئوداللىق تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سۇيۇرغال يەر ۋە شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان دېھقانلار بىلەن قوشۇپ سۇيۇرغالغا ئىگە بولغۇچىغا تارتۇق قىلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەركىن دېھقانلارنىڭ يانجىلىشىنى تېزلەتكەن؛ چوڭ، ئوتتۇرا، ئۇششاق فېئوداللار ئوتتۇرىسىدا قاتلاممۇقاتلام سۇيۇرغال قىلىپ بېرىش يولغا قويۇلغان، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ يۇقىرىسىدىكىگە نىسبەتەن سۇيۇرغالغا ئىگە بولغۇچى، تۆۋىنىدىكىگە نىسبەتەن سۇيۇرغال تارتۇق قىلغۇچى بولغان، شۇنداق قىلىپ يەر مۇناسىۋىتىنى ۋاسىتە قىلغان ھالدا فېئوداللىق تەبىقە تۈزۈمى شەكىللەنگەن؛ ئوتتۇرا، ئۇششاق فېئوداللار كۈنسايىن كۆپەيگەن، ئۇلار ئۇرۇشنى كەسىپ قىلىپ، كېيىن راۋاجلىنىپ رىتسارلار قاتلىمىغا ئايلانغان. Ⅸ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، فېئوداللىق مۇناسىۋەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، سۇيۇرغال تەدرىجىي ھالدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالىدىغان زېمىنغا ئايلانغان. Ⅺ ئەسىرگە كەلگەندە سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى پۈتۈنلەي كۈچتىن قالغان. 

سۇيۇرغال يەر

  • سۇيۇرغال يەر[يەشمىسى:] لاتىنچە (Feodum ياكى Feudum). غەربىي ياۋروپادىكى فېئوداللىق جەمئىيەتلەردە فېئوداللارنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە ھەدىيە قىلغان يەر. بۇنداق يەرلەرگە ۋارىسلىق قىلىشقا بولغان، لېكىن ئېلىپ-سېتىشقا بولمىغان. ھەدىيە يەرگە ئىگە بولغانلار فېئوداللار ئۈچۈن مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇلار ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشتىن باشقا يەنە فېئوداللارنىڭ خىزمىتىنى قىلغان، ئۇلارنىڭ قورۇقلىرىنى باشقۇرغان. ھەدىيە يەرنىڭ كۆلىمى ئوخشاش بولمىغان، كىچىكلىرى بىر قورۇق، چوڭلىرى بىر كىنەزلىك ياكى پادىشاھلىق بولغان. 

سۇيۇرغال يەرگە ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى

  • سۇيۇرغال يەرگە ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى[يەشمىسى:] «كونرادⅡ» گە قارالسۇن.

سۈرگۈن قىلىشقا قارشى مېلبۇرن ئىتتىپاقى

  • سۈرگۈن قىلىشقا قارشى مېلبۇرن ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، ئاۋسترالىيە قىتئەسىدە ئەنگلىيىنىڭ ئاۋسترالىيە قىتئەسىگە جىنايەتچىلەرنى داۋاملىق سۈرگۈن قىلىشىغا قارشى قۇرۇلغان تەشكىلات. 1849-يىلى ئەنگلىيىنىڭ جىنايەتچىلەرنى ئاۋسترالىيە قىتئەسىگە يۆتكىشى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. سىدنېي، مېلبۇرن، ئادېللېير قاتارلىق جايلاردا ئاۋسترالىيە قىتئەسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جىنايەتچىنى سۈرگۈن قىلىشقا قارشى جەمئىيەت قۇرۇلغان. 1851-يىلى 2-ئايدا مېلبۇرندا مۇستەملىكىلەر ئارا يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، سۈرگۈن قىلىشقا قارشى ئىتتىپاق تۈزۈلگەن، يۇقىرىقى جەمئىيەتلەر بۇ ئىتتىپاقنىڭ جايلاردىكى كومىتېتلىرى قىلىنغان. ئىتتىپاق ئۆز ئەزالىرىنىڭ جىنايەتچىنى مەڭگۈ ياللىمايدىغانلىقىنى ۋە قانۇن چىقىرىش يولى بىلەن سۈرگۈن قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ چېگرىدىن كىرىشىنى توسۇيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. يېڭى جەنۇبىي ئۇئېلىس مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى چارلېس كوۋپېر (Charles Cowper، 5781 - 7081) بۇ ئىتتىپاقنىڭ رەئىسى بولغان. ئەنگلىيە مۇستەملىكىلەر مىنىستىرلىكى ئىتتىپاقىنىڭ ئاۋسترالىيە قىتئەسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جىنايەتچىلەرنى ئەۋەتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغان. ئەمەلىيەتتە 1852-يىلدىن كېيىن يېڭى جەنۇبىي ئوئېلىس ۋە فەندىمىن (بۈگۈنكى تاسمانىيە) رايونىغا جىنايەتچىلەرنى سۈرگۈن قىلىش ئىشى توختىتىلغان. 

سۈرىيە ئۇرۇشى

  • سۈرىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ئانتىيوك ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رىمنىڭ سېلېئۇكو پادىشاھلىقى (سۈرىيە) نىڭ پادىشاھى ئانتىيوك Ⅲ بىلەن قىلغان ئۇرۇش. ئانتىيوك Ⅲ («ئۇلۇغ خان») نىڭ زېمىن ئىگىلىۋېلىش قارا نىيىتى بولغاچقا، رىم ماكېدونىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان پەيتتە، مىلادىدىن 691 - 791 يىل ئىلگىرى، كىچىك ئاسىيا ئارقىلىق ھېللېسپوندىن ئۆتۈپ ماكېدونىيىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى تراكىيە رايونىنى بېسىۋالغان. شەرققە كېڭەيگەن رىم ئانتىيوك Ⅲ دىن ئىگىلىۋالغان يەرلەردىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىپ، رەت قىلىنغان. مىلادىدىن 192 يىل ئىلگىرى ئانتىيوك يۇنانغا قوشۇن تارتىپ، رىم بىلەن روبىرو توقۇنۇشۇپ قالغان، شۇنداق قىلىپ، سۈرىيە ئۇرۇشى پارتلىغان. ئىككىنچى يىلى ئانتىيوك تېرموپلې دېگەن جايدا رىملىقلار تەرىپىدىن يېڭىلىپ ئاسىياغا قايتىپ كەلگەن. مىلادىدىن 190 يىل ئىلگىرى كىچىك ئاسىيادىكى ماگنېسىيە (Magnesia) ئەتراپىدا يەنە رىم بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئاكا-ئۇكا سىپىئولار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. مىلادىدىن 188 يىل ئىلگىرى تۈزۈلگەن سۈلھ شەرتنامىدە: ئانتىيوك Ⅲ بېسىۋالغان تراكىيە ۋە كىچىك ئاسىيادىن ۋاز كېچىش، ئون ئىككى يىل ئىچىدە رىمغا 15 مىڭ تارانتوم (ئېئوبىيە پۇل قىممىتى) تۆلەش، شۇنىڭدەك جەڭ پىللىرى ۋە جەڭ كېمىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تاپشۇرۇش بەلگىلەنگەن. ئاقىۋەت، يۇنانلاشتۇرۇلغان چوڭ دۆلەت سۈرىيە (جۇڭگو تارىخ كىتابلىرىدا «ئانتىيوكىيە» دەپ ئاتىلىدۇ) بارا-بارا ئۆزىنىڭ مۇھىم ئورنىنى يوقاتقان. 

سۈرىيىدىكى 1925-يىلدىكى قوزغىلاڭ

  • سۈرىيىدىكى 1925-يىلدىكى قوزغىلاڭ[يەشمىسى:] درۇزې قوزغىلىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۈرىيە خەلقىنىڭ فرانسىيە جاھانگىرلىكىگە قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، سۈرىيە فرانسىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەرگە ئايلىنىپ قالغان. فرانسىيىنىڭ سۈرىيىدىكى دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقى سۈرىيە خەلقىنىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1925-يىلى سۈرىيىدىكى درۇزېلارنىڭ فرانسىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋالىيسى سارايىردىن ئۆلكە نازارەتچىسىنى يۆتكىۋېتىش تەلىپى رەت قىلىنغان ۋە مۇراجىئەت سۇنغان ۋەكىللەر قولغا ئېلىنغان. بۇ زوراۋانلىق ھەرىكەت شۇ جايدىكى خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. شۇ يىلى 7-ئايدا درۇزې تاغلىق رايوندىكى دېھقانلار سۇلتان ئاتلاشنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭچى ئارمىيە ناھايىتى تېزلا يېزا-كەنتلەرنى كونترول قىلىپ، 8-ئايدا پايتەخت دەمەشققە قىستاپ كەلگەن، ھەرقايسى جايلاردىكى مىللەتچىلەر ئارقىمۇ ئارقا ئاۋاز قوشقان، 9-ئايدا قوزغىلاڭچىلار درۇزېدا سۈرىيە ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنى تەشكىللىگەن ھەمدە سۈرىيە مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيىسىنى قۇرۇپ، سۇلتان ئاتلاشنى باش قوماندان قىلىپ تەيىنلىگەن. 10-ئايدا دەمەشقتە كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭ فرانسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. 1926-يىلى 4-ئايدا، فرانسىيە ئارمىيىسى درۇزې تاغلىق رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ، قوزغىلاڭچى ئارمىيىنى مەغلۇپ قىلغان. قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغۇچى خەلق پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى مۇستەملىكە دائىرىلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلغانلىقتىن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت پارچىلانغان. 1927-يىلى 6-ئايغا كەلگەندە قوزغىلاڭ پۈتۈنلەي باستۇرۇلغان، سۇلتان ئاتلاش بىر قىسىم قوزغىلاڭچىلارنى باشلاپ تاشقى ئىئوردانىيىگە چېكىنگەن.

سۈي جۇڭشيەن

  • سۈي جۇڭشيەن[يەشمىسى:] (9121-?) چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسىنىڭ زالىم ۋەزىرى، ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى. 1174-يىلى (مىڭ زۇڭنىڭ 4-يىلى) ئەمر-لەشكەر چىجۇچىڭغا ئەگىشىپ، شىجىڭدىكى جاۋ ۋېيشيەن قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشتا تونۇلۇشقا باشلىغان. 1176-يىلدىن باشلاپ جىئەندۇڭ مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن ئەمەلدارى، چىڭشاڭجۇداۋنىڭ تەپتىشى بولغان. 1185-يىلدىن باشلاپ مەركىزىي ھۆكۈمەتتە باتۇرلارنىڭ كەپتاۋۇلى، قوۋۇق ياساۋۇلخانىسى كەپتاۋۇلى، سانغۇن قاتارلىق ھەربىي ئەمەللەرگە تەيىنلەنگەن. 1170-، 1173-يىللاردىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، 1196-يىلى ئۇكىسى جۇڭ سۇي بىلەن بىرلىشىپ، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ كاتتىبېشى لى يىمىننى ئۆلتۈرگەن، مەركەز ئەسكەرلىرىنىڭ سەردارلىرى بىلەن بىرلىشىپ، لى يىمىننىڭ ئوغلى لى جىچۇن، لى جىڭۋاڭنى مەغلۇپ قىلىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆكتىچىلەرنى تازىلاپ، مەركىزىي ھاكىمىيەتنى كونترول قىلىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، مىڭ زۇڭ، شېن زۇڭ، شى زوڭ، گاۋ زۇڭنى بىكار قىلىپ، جايلاردىكى دېھقانلار، قارا قورساقلار، قۇل -دېدەكلەر قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمرانى بولۇپ، سۈي جەمەتى ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. كېيىن قوزغىلاڭچى قوشۇن تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان. 

سۈي جىيۇ

  • سۈي جىيۇ[يەشمىسى:] (1824 - 1864) چاۋشيەن دوڭشۆداڭ تەرەپدارلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى. تەخەللۇسى شۈي يۇنجەي، چىڭجۇدا تۇغۇلغان. 1860-يىلى، تەڭرىنىڭ چۈشكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا پۇقرالارنى ياخشى يولغا باشلاش تۇمارىنى ئاتا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. يەر يۈزىدىكى تەڭرى دۆلىتىنى قۇرۇپ، شەرق ئىلمى (دوڭشۆداڭ تەرىقىتى) ئارقىلىق، غەرب ئىلمى (خرىستىئان دىنى) گە تاقابىل تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. كۇڭزىچىلىق، بۇددا دىنى، تەرىقەتچىلىك ئەقىدىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا تەڭرى يولىدا قۇربان بېرىش روھىنى قوشۇپ، «ئادەمنىڭ ئۆزى تەڭرى» دېگەندىن ئىبارەت مەركىزىي ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئادەمنىڭ كۆڭلى — تەڭرىنىڭ كۆڭلى، ئادەمنى ھۈرمەتلىگەنلىك — تەڭرىنى ھۈرمەتلىگەنلىك دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. دەرىجە سالاھىيىتىنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەر ئارىسىدىكى باراۋەرلىك ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلغان. ئېزىلگۈچى كەڭ دېھقانلارنىڭ چوڭقۇر ئېتىقادىغا ئېرىشىپ، زور بىر كۈچ بولۇپ شەكىللەنگەن. گاۋزوڭ «بىدئەتلىك بىلەن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرغان» دەپ، 1863-يىلى ئۇنى قولغا ئېلىپ، ئىككىنچى يىلى 3-ئايدا داچيۇدا قەتل قىلغان. ئۇنىڭ «شەرق دىنى قامۇسى» (خەنزۇچە)، «لۇڭتەندىكى مىراس» (چاۋشيەنچە) قاتارلىق ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇلار شەرق تەرىقىتىنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سۈي جىيۈەن

  • سۈي جىيۈەن[يەشمىسى:] (- 758 ؟) چاۋشيەن سىللا مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدىكى داڭلىق كۇڭزىچى. ئىسمى گۇيۈن، خەيى يۇن، ئۆلگەندىن كېيىنكى نامى چاڭ خۇ. جىڭجۇ شالياڭبۇلىق. كىچىك ۋاقتىدا زېرەك، ئۆگىنىشكە ئامراق بولۇپ، 12 يېشىدا تاڭ سۇلالىسىگە ئوقۇشقا بارغان. مىلادى 874-يىلى سىللا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى جىڭ ۋىنۋاڭنىڭ 14-يىلى (تاڭ سۇلالىسى چيەنخۇنىڭ تۇنجى يىلى) تاڭ سۇلالىسىدە ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، ئەمەل بېرىلگەن. سېرىق ياغلىقلىقلار قوزغىلىڭى مەزگىلىدە، تاڭ سۇلالىسىنىڭ بارگاھ قوشۇنىنىڭ باش نازىرى گاۋ پىيەن تەرىپىدىن مۇلازىم قىلىنىپ، مۇنشىلىق ۋەزىپىسى بېرىلگەن، ئۇ ئېلان يېزىپ، دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. 885-يىلى (سىللاشيەنكاڭۋاڭنىڭ 11-يىلى، تاڭ سۇلالىسى گۇاڭچىنىڭ تۇنجى يىلى) دۆلىتىگە قايتىپ، مۇدەررىس، قوشۇمچە باش مىرزا، لەشكىرى بۆلۈم يانداش بەگ جى رۇينىڭ مۇنشىسى بولغان، كېيىن يەنە داشەن ئايمىقى، فوچېڭ ئايمىقىغا ئامباللىققا يۆتكەلگەن. 893-يىلى (ئايال شاھ جېن شىڭنىڭ 7-يىلى، تاڭ سۇلالىسى جىڭفۇنىڭ 2-يىلى) تاڭ سۇلالىسىگە بارىدىغان ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن، خەلق قوزغىلىڭى تۈپەيلىدىن بارالمىغان. ئىككىنچى يىلى، ئاشى ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئەمىلىدىن ئىستېپا بېرىپ، جايلارنى زىيارەت قىلىپ، پىنھان ياشىغان. جياشيەندىكى خەييىن ئىبادەتخانىسىدا ئۆلگەن. 20 توملۇق «گۈي يۈەن نەزمىلىرى» دېگەن شېئىرلار توپلىمى بار.

سۈي چوڭ

  • سۈي چوڭ[يەشمىسى:] (8601 - 489) چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى داڭلىق ۋەزىرى، كۇڭزىچى. مۇزۇڭ دەۋرىدە ئەمەلدار بولغان. جىڭ زۇڭ دەۋرىدە غەربىي شىمال چېگرىسىنى ئاچقان. ھۆدەيچى-شىغاۋۇل ۋازارىتى ئىشىكئاغا-شىغاۋۇل ۋازارىتىگە ئۆزگەرتىلگەندە، ھۆدەيچى بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا خۇسۇسىي مەكتەپ ئېچىپ، ئارقىدا قالغانلارنى قوبۇل قىلىپ، زېرىكمەي تەربىيىلىگەن. دۆلەتتە تۇنجى بولۇپ خۇسۇسىي مەكتەپ ئاچقاچقا، شەرقىي ئەلدىكى كۇڭزى دەپ تەرىپلەنگەن. ئۆلگەندىن كېيىن ۋېن شيەن دەپ ئاتالغان. 

سۈي سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر

  • سۈي سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ تۇيگۇ سۇلالىسى جۇڭگونىڭ سۇي سۇلالىسىگە ئەۋەتكەن ئەلچىلەر. جۇڭگونىڭ «سۈينامە. ياپونىيە تەزكىرىسى» دېگەن كىتابىدا خاتىرىلىنىشىچە، كەيخۇاڭنىڭ 20-يىلى (600-يىلى) ياپونىيە تېننوسى ئەلچى ئەۋەتىش يارلىقى چۈشۈرگەن. بۇ ئەڭ دەسلەپكى بىر قېتىملىق خاتىرە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 607-يىلى ۋەلىئەھد شىندې ئونۇئىموكونى ئەلچى قىلىپ، دۆلەت خېتى بىلەن سۈي سۇلالىسىگە ئەۋەتكەن. ئىككىنچى يىلى 9-ئايدا يەنە ئونۇئىموكونى ئوقۇشقا بارىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە راھىبلار تاكابۇكوگېنلى، ئىنافۇچى، سوتامى قاتارلىقلار بىلەن بىللە سۈي سۇلالىسىگە ئەۋەتكەن. 614-يىلى ئىنوكامى ھىندېننى سۈي سۇلالىسىگە ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن. سۈي سۇلالىسىگە ئېۋەتىلگەن ئەلچىلەر تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنىڭ پېشۋالىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار ۋە راھىبلار جۇڭگودا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە تۇرۇپ، ئاندىن ۋەتىنىگە قايتقان.

سۈي شىخېڭ

  • سۈي شىخېڭ[يەشمىسى:] (1827 - 1898) چاۋشيەن شەرق ئىلمىي تەرەپدارلىرىنىڭ دىن ئاساسچىسى. تەخەللۇسى خەييۇ، چىڭجۇلۇق. نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان، شەرق ئىلمىي تەرەپدارلىرىنىڭ پېشۋاسى سۈي جىيۈ بىلەن بىر جەمەت. 1861-يىلى شەرق ئىلمىي تەرەپدارلىرىغا قاتناشقان. 1863-يىلى ئىككىنچى ئەۋلاد دىن ئاساسچىسى بولغان. كېيىن لىنتىدا دىن پېشۋاسىنىڭ ئەسىرى «شەرق دىنى قامۇسى» نى نەشىر قىلدۇرغان. دىنىي كۈچلەرنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، تەرەپ-تەرەپكە بېرىپ، يۇقىرى بېسىم ئاستىدا قالغان تارقاق مۇرىتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، دىنىي گۇرۇھ تەشكىللىگەن. 1892-يىلى مۇرىتلارنىڭ دىنىي پېشۋانى ئاقلاشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىگە ماقۇل بولۇپ، ئەركىن دىن تارقىتىش، خىيانەتكار ئەمەلدارلارنى تازىلاشنى تەلەپ قىلغان. ئۈچىنچى قېتىم تەلەپ قويغاندا، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ «ئەجنەبىيلەرنى يوقىتىش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1894-يىلى چۈەن بېڭجۇن دېھقانلار ۋە شەرقىي ئىلمىي تەرەپدارلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، دىن ئاساسچىسى سالاھىيىتى بىلەن ئاۋاز قوشقان. 9-ئايدا، ياپون ئارمىيىسى قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك بۇيرۇق چىقىرىپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنى باشلاپ، گۇاڭجۇدا ياپون ئارمىيىسى بىلەن قانلىق جەڭ قىلىپ، مەغلۇپ بولغان. 1898-يىلى يۈەنجۇدا قولغا ئېلىنغان، شۇ يىلى 7-ئايدا سىئولدا قەتل قىلىنغان. 

سۈي، مولار

  • سۈي، مولار[يەشمىسى:] [[HT5”]氵[HT5]岁[HT5]貊[HT]]ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقىي-شىمالىي قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان قەدىمكى ئىرقلارنىڭ بىرى. مولار دەسلەپتە جۇڭگونىڭ «ماۋچاڭ-ماۋخېڭ نەزمىلىرى»، «نەسىرنامە»، «مۇھاكىمە ۋە بايان» قاتارلىق كىتابلىرىدا كۆرۈلگەن؛ سۈي دەسلەپتە «جۇ سالنامىسى»، «لۈي بۇۋىي يىلنامىسى» قاتارلىق قەدىمكى ھۈججەتلەردە كۆرۈلگەن. «تارىخنامە» دە بۇ ئىككىسى قوشۇلۇپ، سۈي-مولار دەپ ئاتىلىپ، ئومۇمەن جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمى ۋە ئوتتۇرا قىسمىدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىنى كۆرسەتكەن. سۈي-مولار تونگۇس تىلى سىستېمىسىغا كىرىدۇ. مولار ئورمانلىق، ئېدىرلىقلاردا ئولتۇراقلاشقان، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق تىرىكچىلىكىنى ئاساس قىلغان، قوشۇمچە تۆۋەن سەۋىيىدىكى دېھقانچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. سۈيلەر دېڭىز ياقىسى ۋە دەريا ۋادىلىرىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، كۆپىنچە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، قوشۇمچە تۆۋەن سەۋىيىدىكى چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى. ۋېي پادىشاھلىقى. شەرقىي ئەللەر تەزكىرىسى» دە خاتىرىلىنىشىچە، بۈيۈك كۇرى، ۋۇجۇجيې قاتارلىق كىشىلەر مولار ئارىسىدىن چىققان. مەزكۇر كىتابتا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقى قىسمىدا (جياڭيۇەنداۋ ئەتراپى) ئولتۇراقلاشقان قەدىمكى ئاھالە سۈي، مولار دەپ ئالايىتەن كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

سۈي نەنشەن

  • سۈي نەنشەن[يەشمىسى:] (1890 - 1957) چاۋشيەنلىك شائىر، تارىخشۇناس. ئىسمى گوڭليۇ، تەخەللۇسى ليۇ تاڭ، يۇرتى تېيۈەن، 1904-يىلى ياپونىيىگە بېرىپ ئوقۇغان، 1906-يىلى ۋاسېدا داشۆسى جۇغراپىيە-تارىخ فاكۇلتېتىغا كىرىپ ئوقۇغان. 1907-يىلى چاۋشيەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئوقۇشتىن چېكىنىش ۋەقەسىدە ئوقۇشتىن چېكىنگەن. ئىككىنچى يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ نەشرىياتچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1909-يىلى «ئۆسمۈرلەر» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان. 1910-يىلى چاۋشيەن نۇر جەمئىيىتى تەسىس قىلىپ، قەدىمكى ھۈججەتلەرنى ساقلاش، نەشىر قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1919-يىلى 1-مارت ھەرىكىتى مەزگىلىدە، «مۇستەقىللىك خىتابنامىسى» نى يېزىپ، ئىككى يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. 1920-يىلى مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى تۈرمىدىن ۋاقىتلىق قويۇپ بېرىلگەن. 1922-يىلى شەرق نۇرى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، «شەرق نۇرى» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنى نەشىر قىلغان ھەمدە چاۋشيەن تارىخىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلغان. 1939-يىلدىن كېيىن، كانتون ئارمىيىسىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن قورچاق مانجۇرىيە ۋەتەن قۇرۇش داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1943-يىلى چاۋشيەن ياشلىرىنى ياپونىيە ئارمىيىسىگە بېرىپ ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن، نۇتۇق ساياھىتىگە قاتناشقان. چاۋشيەن ئازاد بولغاندىن كېيىن، «مىللەتكە قارشى ھەرىكەتنى جازالاش قانۇنى» بويىچە قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە ئۆلگەن. «ئۆسمۈرلەرگە دېڭىزدىن سالام» قاتارلىق شېئىرلىرى بار.

سۈي يوڭجيەن

  • سۈي يوڭجيەن[يەشمىسى:] (1900 - 1976) چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. پىڭئەنبېيداۋ لۇڭچۈەن ۋىلايىتىدىن. ياش ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا ياپونغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنىڭ ئامالىنى تېپىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن. 1923-يىلى يۈننەن ھەربىي مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇغان. 1925-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خۇاڭپۇ ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەيىنلەنگەن. بىرىنچى قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا بېرىپ، يەرلىك چاۋشيەن مىللىتى ئارىسىدا ياپونغا قارشى پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان. 1945-يىلى پخىنيانغا قايتىپ كېلىپ چاۋشيەن دېموكراتلار پارتىيىسىنى تەشكىللەپ، مۇئاۋىن ۋېييۈەنجاڭ بولغان. 1948-يىلى چاۋشيەن خەلق ئارمىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن باش قوماندان بولغان. شۇ يىلى 9-ئايدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن مىللىي مۇداپىئە ۋەزىرى بولغان. چاۋشيەن ئۇرۇشى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاساسلىقى ھەربىي رەھبەرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1953-يىلى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىككىنچى مارشالى دېگەن نام بېرىلگەن. شۇ يىلى مۇئاۋىن باش ۋەزىر قوشۇمچە مىللىي مۇداپىئە ۋەزىرى بولغان. 1957-يىلىدىن باشلاپ ئالىي خەلق كېڭىشى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋېييۈەنجاڭى بولغان. 1972-يىلى مۇئاۋىن رەئىس بولغان. پارتىيە ئىچىدە، 1956-يىلىدىن باشلاپ ئەمگەك پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋېييۈەنجاڭى، سىياسىي كومىتېت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 

سۈي يېشۈەن

  • سۈي يېشۈەن[يەشمىسى:] (1833 - 1906) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى كۇڭزىچى، پىدائىي ئەسكەرلەر سانغۇنى. ئىسمى زەنچيەن، تەخەللۇسى ميەنيەن، جىڭجۇلۇق، لى خېڭنىڭ شاگىرتى. 1856-يىلى ئەمەل تۇتقان. 3781 - 8681-يىللىرى، كۆپ قېتىم مەكتۇپ سۇنۇپ شاھىنشاھنىڭ ناباب سىياسىتىنى ئەيىبلىگەچكە جىجۇ ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1876-يىلى يەنە گاۋزۇڭنىڭ «جياڭخۇا شەرتنامىسى» نى ئىمزالىشىغا قارشى تۇرغانلىقتىن قارا تاغ ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان، 1898-يىلى ئىچكى ئوردا مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1906-يىلى «كورىيە-ياپونىيە شەرتنامىسى» غا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن شاگىرتى يىن بىڭزەن قاتارلىقلار بىلەن قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، چونچاڭ شەھىرىدە ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن قاتتىق جەڭ قىلغان، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن رويما ئارىلىغا قاماپ قويۇلغان، تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ «كەپىدە» دېگەن ئەسىرى بار.

سۋادېش

  • سۋادېش[يەشمىسى:] ھىندى تىلىدىكى Swadesh نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، ئۆزى ئىشلەپچىقىرىش دېگەن مەنىدە. 1905-يىلى ھىندىستان خەلقى ئەنگلىيىگە قارشى ھەرىكەت دولقۇنىدا ئوتتۇرىغا قويغان شوئارنىڭ بىرى. ئۇ ھىندىستان بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مىللىي سودا-سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، چېگرا بېجىدا ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەنگلىيە تاۋارلىرىدىن سېتىش بازارلىرىنى تارتىۋېلىش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 1906-يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ كالكوتتا يىللىق يىغىنىدا قارار چىقىرىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاساسىي پروگراممىلىرىنىڭ بىرى قىلىنغان.

سۋاراج

  • سۋاراج[يەشمىسى:] ھىندى تىلى Swaraj نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش دېگەن مەنىدە، 1905-يىلى ھىندىستان خەلقى ئەنگلىيىگە قارشى ھەرىكەت دولقۇنىدا ئوتتۇرىغا قويغان سىياسىي خاراكتېرلىك شوئار. ئۇ 1906-يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ كالكوتتا يىللىق يىغىنىدا تۆت چوڭ پروگراممىنىڭ بىرى قىلىنغان. 1920-يىلى 12-ئايدا ناگپور يىللىق يىغىنىدا ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خەلق كونگرېسى پارتىيىسى كۈرىشىنىڭ ئاساسلىق نىشانى، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كېيىن بارا-بارا تولۇق مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى تەلەپلەر ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن. 

سۋېتتېنبام

  • سۋېتتېنبام[يەشمىسى:] (Frank Athelstane Swettenbam، 6491 - 0581)، ئەنگلىيىلىك مۇستەملىكىچى. ياش ۋاقتىدا نورماندىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمىتىدە خىزمەت قىلغان. مالايا تىلىنى پىششىق ئىگىلىگەن. 1882-يىلى سېلانگور (Selangor) شتاتىدا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارلىققا تەيىنلەنگەن. بۇ شتاتتا قەھۋە ۋە تاماكا ئېكىنزارلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ھەمدە قەلەي كان بايلىقىنى تالان-تاراج قىلىش ئۈچۈن، شتات مەركىزى كوئالا-لۇمپوردىن پورت كلاڭغا بارىدىغان تۆمۈريولنى ياساتقان. 5981 - 9881-يىللاردا پېراك شتاتىدا تۇرۇشلۇق ئەمەلدار بولغان. 1895-يىلى پېراك، سېلانگور، سېمبىلان (Sembilan) ۋە پاخاڭ تۆت شتاتنىڭ سۇلتانلىرىنى قوشما شتات شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇرلىغان؛ 1896-يىلى مالايا قوشما شتاتى رەسمىي قۇرۇلغاندا، تۇرۇشلۇق تۇنجى باش ئەمەلدار بولغان. 4091 - 1091-يىللاردا نورماندىيە مۇستەملىكىسىنىڭ باش ۋالىيسى ۋە مالاينو شتاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋالىيسى بولغان. بۇ مەزگىلدە تايلاندقا قاراشلىق بولغان مالايانىڭ شىمالىي شتاتلىرىغا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشكە تىرىشقان. نۇرغۇن كىتابلارنى يازغان، مۇھىملىرى «مالاياچە-ئىنگلىزچە سۆزلۈك»، «ئەنگلىيىگە قاراشلىق مالايا»، «مالايادىكى ئىزلىرىم» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

سۋېدبېرگ

  • سۋېدبېرگ[يەشمىسى:] (Theodor Svedberg، 1791 - 4881). شۋېتسىيىلىك خىمىك. ئۇپسالا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 9491 - 2191-يىللاردا مۇشۇ داشۆنىڭ پروفېسسورى بولغان. 9491 - 1391-يىللاردا فىزىكا-خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 7691 - 9491-يىللاردا ئاتوم خىمىيىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. كوللوئىد خىمىيىسىنى تەتقىق قىلغان. ئاقسىل قاتارلىق چوڭ مولېكۇلىلىق ماددىلارنىڭ مولېكۇلا ئېغىرلىقىنى پەۋقۇلئاددە سۈرئەتلىك مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچ ئارقىلىق بېكىتىش ئۇسۇلى جەھەتتە مۇھىم تۆھپىسى بار. 1926-يىلى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

سۋېردروپ

  • سۋېردروپ[يەشمىسى:] (Johan Sverdrup، 2981 - 6181). نورۋېگىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1884 — 1889) پارلامېنت ئەزاسى (1851 - 1889)، تۆۋەن پالاتا باشلىقى (1862 - 1869) ۋە پارلامېنت باشلىقى (1871 - 1881) بولغان. 1859-يىلى ئىسلاھات جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ داھىيسىغا ئايلانغان. 1884-يىلى نورۋېگىيە لىبېراللار پارتىيىسى (يەنە بىر نامى سول قانات پارتىيە) نى قۇرغان ھەمدە ئۇنىڭغا رەئىس بولغان. نورۋېگىيىنىڭ تۇنجى سول قانات ھۆكۈمىتىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە، ئىچكى كابىنېت ئارقىلىق پارلامېنتقا جاۋابكار بولۇش قانۇنىنى ماقۇللاتقان؛ جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا زاسىداتېل ئۆمىكى تۈزۈمىنى يولغا قويغان؛ 1887-يىلى ھەربىي خىزمەت ئۆتەش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. 1888-يىلىدىكى چوڭ سايلامدا مەغلۇپ بولۇپ، ئىككىنچى يىلى تەختتىن چۈشكەن، كېيىن سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان.

سۋېردلوۋ

  • سۋېردلوۋ[يەشمىسى:] (Яков Михайлович Свердлов، 9191 - 5881) سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. تۆۋەن نوۋگورود (Нижний Новгород، ھازىرقى گوركى شەھىرى) تىكى نەققاش ئىشچىنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 15 يېشىدا دورا دۇكىنىغا كىرىپ شاگىرت بولغان. 1901-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1905-يىل ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئورالدىكى بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. ستولېپىن ئەكسىيەتچىل دەۋرىدە، بىكار قىلغۇچىلار ۋە چاقىرىۋالغۇچىلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلغان. 1912-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، ستالىن بىلەن بىرلىكتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روسىيە بيۇروسى، «پراۋدا گېزىتى» ۋە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ دۆلەت دۇماسىدىكى پارتىيە ئۆمىكىگە رەھبەرلىك قىلغان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە سۈرگۈن قىلىنغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن پېتروگرادقا قايتىپ كېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ شۇجىسى، پېتروگراد سوۋېتى ھەربىي ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، قوراللىق قوزغىلاڭ پارتىيە باش شىتابىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىشقا قاتناشقان. 1917-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارلىقىنى داۋاملىق ئۆتىگەن. موسكۋادا كېسەلدىن ۋاپات بولغان. لېنىن ئۇنى «ئاجايىپ تالانتلىق تەشكىلاتچى» دەپ ئاتىغان.

سۋېنسكسوند جېڭى

  • سۋېنسكسوند جېڭى[يەشمىسى:] 0971 - 8871 يىللاردىكى روسىيە-شۋېتسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى سۋېنسكسوند بوغۇزىدا ئېلىپ بارغان دېڭىز جېڭى. جەمئىي ئىككى قېتىم بولغان: (1) 1789-يىل 8-ئاينىڭ 24 -كۈنى، شۋېتسىيە دېڭىز ئارمىيىسى تەييارلىقى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، قاتتىق مەغلۇپ بولغان. (2) 1790-يىل 7-ئاينىڭ 9-، 10-كۈنلىرى، شۋېتسىيە دېڭىز ئارمىيىسى كورۇل گۇستاۋ Ⅲ نىڭ قوماندانلىقىدا روسىيە فلوتىنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. روسىيە 50 پاراخوتىدىن ئايرىلغان، 9000 دىن ئارتۇق ئادىمى ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان؛ شۋېتسىيە پەقەت ئالتە دانە كىچىك پاراخوتىدىن ئايرىلغان، 300 دىن ئارتۇق ئادىمى چىقىم بولغان. بۇ جەڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتكەن.

سۋېن ھېدىن

  • سۋېن ھېدىن[يەشمىسى:] (Sven Anders Hedin، 2591 - 5681). شۋېتسىيىلىك جۇغراپىيون، ئېكسپېدىتسىيىچى. ئىنژېنېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇپسالا ۋە بېرلىن، ھاللېلاردا ئوقۇغان. 1885-يىلىدىن باشلاپ كاپكاز، مېسوپوتامىيە ۋە ئىران قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلغان. كېيىن ئىراندا تەرجىمان بولغان. 8981 - 3981-يىللاردا ئورېنبۇرگتىن يولغا چىقىپ، ئۇرال، پامىر، شىزاڭ، شىنجاڭ ئارقىلىق بېيجىڭغا بارغان ھەمدە سۇتلېج دەرياسى بىلەن يالۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرگەن. 1899 - 1902-يىللاردا تارىمنى بويلاپ لوپنۇر كۆلىنى ئايلىنىپ، قۇملۇقنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن. 1905-يىلى يەنە ئاندىس تاغ تىزمىسىدا ساياھەت قىلغان. 1928 - 1935-يىللاردا «جۇڭگو-شۋېتسىيە ئىلمىي تەكشۈرۈش ئۆمىكى» گە قاتنىشىپ، ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ، شىنجاڭلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، بىرمۇنچە جايلاردىكى تاش قورال دەۋرى خارابىلىرى ۋە يادىكارلىقلارنى تاپقان. «1899-1902-يىللاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرى»، «شىزاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمى»، «مېنىڭ ئېكسپېدىتسىيىچىلىك تۇرمۇشۇم»، «يىپەك يولى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار، يەنە «جۇڭگو-شۋېتسىيە ئىلمىي تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ دوكلاتى» نى يازغان.

سۋىفت

  • سۋىفت[يەشمىسى:] (Jonathan Swift، 5471 - 7661). ئەنگلىيىلىك ساتىرىك يازغۇچى. ئېرلاندىيىدىكى بىر نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا كۆچۈرمىچىلىك، كاتىپلىق قىلغان، كېيىن يېزا مىسسىئونېرى بولغان. 1713-يىلدىن باشلاپ ئېرلاندىيىدىكى پاترىك چېركاۋىنىڭ باشلىقى بولغان. ئېرلاندىيە خەلقىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى كۈرىشىگە قاتناشقان ھەمدە ئەسەر يېزىپ ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئېرلاندىيىدە يۈرگۈزگەن زوراۋانلىقىنى قاتتىق سۆككەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى — «گۇللىۋېرنىڭ ساياھىتى» دېگەن رومانىدا ئەنگلىيە جەمئىيىتىدىكى نامۇۋاپىق ھادىسىلەرنى پاش قىلىپ، ھۆكۈمران گۇرۇھنىڭ چىرىكلىكىنى مەسخىرە قىلغان ھەمدە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ۋە مۇستەملىكىچىلىكنى سۆككەن. ئۇنىڭ نەسرىي ئەسەرلىرىنىڭ ئۇسلۇبى ئاددىي، سۆزلەر توغرا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئۈلگىلىك ئوقۇشلۇقى قىلىنغان. 

سۋىڭ ھەرىكىتى

  • سۋىڭ ھەرىكىتى[يەشمىسى:] 1830-يىلى ئەنگلىيىدە پارتلىغان كەڭ كۆلەملىك يېزا سىياسىي قوزغىلىڭى. ئۇ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ۋەيران قىلىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان بولۇپ، شەھەرلەردىكى لۇدد ھەرىكىتى بىلەن ئوخشاش. ئالدى بىلەن كېنت ۋىلايىتىدە پارتلىغان، ئۇنىڭغا دېھقانچىلىق مەيدان ئىگىسىنىڭ مولوتېلكا ئىشلىتىپ، خامان تېپىشكە تايىنىپ جان باقىدىغان دېھقانلارغا ئېغىر تەھدىت سالغانلىقى تۇترۇق بولغان. 1830-يىلى 8-ئايدا 400 دىن ئارتۇق دېھقان مولوتېلكىنى چېقىپ، دېھقانچىلىق مەيدان ئىگىسىنىڭ خامىنىغا ئوت قويغان ھەمدە ئۆزىنىڭ «بۇ يىل خاماننى كۆيدۈرۈپ مولوتېلكىنى چاقىمىز؛ كېلەر يىلى دىنىي رايوننىڭ باشلىقىغا ھۇجۇم قىلىمىز؛ ئىندىنقى يىلى سىياسەتۋازلارغا ھۇجۇم قىلىمىز» دېگەن ئىجتىمائىي پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خەت شەكلىدە تارقاتقان، ئۇنىڭغا «كاپىتان سۋىڭ» (Captain Swing، Swing نىڭ مەنىسى گۈلەڭگۈچ بولسىمۇ، كۆچمە مەنىسى دار دېگەن بولىدۇ) دەپ ئىمزا قويۇلغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 10-، 11-ئايلاردا غەربكە كېڭىيىپ، سوئۇسېكىس، سېرراي قاتارلىق ۋىلايەتلەرگە تارقالغان. يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئاۋاز قوشقان ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى، ئوندىن بىر بېجىنى ۋە يەر ئىجارىسىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ھەرىكەت پۇختا تەشكىلىي ۋە رەھبەرلىكى بولمىغانلىقتىن، ئاخىرى باستۇرۇلغان. 

سۋياتوسلاۋ ئىگورېۋىچ

  • سۋياتوسلاۋ ئىگورېۋىچ[يەشمىسى:] [斯维雅托斯拉夫·伊戈尔列维奇](Святослав Игоревич، 279 - ? ياكى 973). كىيېۋ- روسىيىنىڭ كىنەزى (279 - 549 ياكى 969 - 972). ئىگور بىلەن ئولگانىڭ ئوغلى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، قەدىمكى رۇسنىڭ قەبىلە ئايرىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن ۋە مۇستەھكەملىگەن. مىلادى 669 - 469-يىللاردا كاما دەرياسىنىڭ بويىدىكى بۇلغارلارنى مەغلۇپ قىلغان، قاچار پادىشاھلىقىنى تارمار قىلغان ھەمدە شىمالىي كاپكازغا يۈرۈش قىلغان، ئازوۋ دېڭىزىنىڭ بويىدىكى جايلارنى ئىشغال قىلىپ، شەرققە بارىدىغان يولىنى ئاچقان. كېيىن ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، 967-يىلى بۇلغارلارنى مەغلۇپ قىلغان. ۋىزانتىيە كىيېۋ روسىيىنىڭ كۈچىيىشى ئۆزىگە پايدىسىز بولىدىغانلىقتىن قورقۇپ، پېچېنەكلەرنى سېتىۋېلىپ كىيېۋقا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى يىرىك ئەسكىرىي كۈچىگە باشچىلىق قىلىپ، بۇلغارىيىگە بېسىپ كىرگەن رۇس قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغان.971 -يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى دوناي دەرياسىنىڭ بويىدىكى دولوستور شەھىرىدە بولغان جەڭدە، سۋياتوسلاۋ يېڭىلىپ، ۋىزانتىيە بىلەن سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈپ بۇلغارىيىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. كىيېۋقا قايتىش سەپىرىدە، دنېپىر دەرياسىنىڭ بويىدا پىستىرمىدا تۇرغان پېچېنەكلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 

سېپوي

  • سېپوي[يەشمىسى:] ئىنگلىزچىدىكى Sepoy نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئەسلى پارسچىدىكى سىپاھ (Sipahi ياكى Sipah) دېگەنلەردىن كەلگەن بولۇپ، ئەسكەر دېگەن مەنىدە. فرانسىيە-ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىدە ياللاپ ئىشلىتىلگەن ھىندىستاننىڭ يەرلىك ئەس-كەرلى-رى بولۇپ، گورا (gora، ياۋروپالىق ئەسكەرلەر) دىن پەرقلەندۈرۈلگەن. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدىكى قورالى. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ 20-يىلللىرىدا، فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى ھىندىستاننىڭ غەربىي دېڭىز قىرغاقلىرىدا ئەسكەر ئېلىشقا باشلىغان. كېيىن ئەنگلىيىمۇ ئۇنى دوراپ ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئادەم سانىنى 200 مىڭدىن ئاشۇرۇۋەتكەن. بۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، ئىچكى قىسىمدا دىن ۋە تائىپە ئايرىمىچىلىقى مەۋجۇت بولۇپ، ئىرقىي كەمسىتىش ۋە مىللىي زۇلۇم ئېغىر بولغان، ھەربىي ئۆزگىرىشمۇ كۆپلەپ يۈز بەرگەن.1857-يىلدىكى ھىندىستان مىللىي قوزغىلىڭىدا ئەنگلىيىگە قارشى كۈرەشتىكى بىر مۇھىم كۈچ بولۇپ قالغان.

سېتاتىرات

  • سېتاتىرات[يەشمىسى:] (Sethathirath ياكى Setatirat،1534-1571) لائۇسنىڭ نەنجاڭ پادىشاھى (1548 -1571).1545-يىلى ئاتىسى پوتىسارارات (Photisararat،7451 - 0251-يىللاردا تەختتە تۇرغان) تەرىپىدىن چىڭمەي (بۈگۈنكى تايلاندنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان) بەگلىكىنىڭ پادىشاھى قىلىپ تۇرغۇزۇلغان. 9551 - 8551-يىللىرى بىرما پادىشاھى مانيىڭلوڭ بىلەن چىڭمەينى تالاشقاندا مەغلۇپ بولغان. 1563-يىلى پايتەختنى لۇئاڭ-پراباكتىن ۋيېنتىيانېغا كۆچۈرگەن ھەمدە قاشتاش ئىبادەتخانىسى قاتارلىق ئىبادەتخانىلارنى ياسىغان، مەشھۇر تالون ئىبادەتخانىسىنى رېمونت قىلدۇرغان. بىرمانىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سىيام (بۈگۈنكى تايلاند) بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. 1565-يىلى ۋە 1570-يىلى، بىرما قوشۇنلىرى ۋيېنتىيانېنى ئىككى قېتىم ئىشغال قىلىۋالغاندا، ئۇنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان.571-يىلى ئۇرۇشتا ئۆلگەن. 

سېدا پارتىيىسى

  • سېدا پارتىيىسى[يەشمىسى:] ئىسپانىيىدىكى ئىنتايىن ئوڭچى گۇرۇھنىڭ بىرى. «ئىسپانىيە ئاپتونوم ھوقۇقى ئىتتىپاقى» (Confederacion Espanola de Derechos Autonomia) نىڭ قىسقارتىلمىسى C E D A نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. 1933-يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ رەھبىرى گىل روبلېس (Jose Maria Gil Robles، 0891 - 8981). بۇ پارتىيىنىڭ ئەزالىرى 9391 - 6391-يىللاردىكى ئىچكى ئۇرۇشقا قاتناشقان. نۇرغۇن ئوڭ قانات پارتىيە-گۇرۇھلار بىلەن، بولۇپمۇ ئۇزۇن مىلتىقلىقلار پارتىيىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئىنتايىن قويۇق. 1939-يىلدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن يوقىغان. 

سېدان تەسلىمى

  • سېدان تەسلىمى[يەشمىسى:] 1781 - 0781-يىللاردىكى پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىدا فرانسىيە ئارمىيىسى ئاساسىي كۈچىنىڭ بىر قېتىملىق تەسلىمى. پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، فرانسىيە ئارمىيىسى ئارقا-ئارقىدىن پاجىئەلىك ھالدا مەغلۇپ بولۇپ، پرۇسسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىككى بۆلەككە بۆلۈۋېتىلگەن.1870-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، ناپولېئون Ⅲ بىلەن مارشال مېكماخون قوماندانلىقىدىكى قىسىم شەرقىي شىمال يۆنىلىشكە قاراپ سىلجىپ، مېتىس قورغىنىدا قورشاۋدا قالغان بازان (Achille Fransois Bazaine، 1181 - 1888) نىڭ قىسىملىرى بىلەن ئۇچراشماقچى بولغان. 13 - 92-كۈنلىرى توسىلىپ قېلىپ، 120 مىڭ فرانسىيە ئەسكىرى 200 مىڭ پرۇسسىيە ئەسكىرى تەرىپىدىن سېدان (Sedan، فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدا) دا مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالغان. 9-ئاينىڭ 1-كۈنى فرانسىيە قوشۇنى مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقماقچى بولغاندا مەغلۇپ بولۇپ، ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان، مېكماخون يارىدار بولغان. ناپولېئون Ⅲ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تەسلىم بولۇشنى قارار قىلغان. ئىككىنچى كۈنى، فرانسىيە قوشۇنىنىڭ قالدۇق قىسىملىرىدىن 83 مىڭ كىشى كورۇل بىلەن بىللە ئەسىرگە چۈشكەن. تەسلىم بولغانلىق خەۋىرى پارىژغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، 9-ئاينىڭ 4-كۈنى پارىژدا ئىنقىلاب پارتلاپ، ئىككىنچى ئىمپېرىيە ئاغدۇرۇلغان («فرانسىيە سېنتەبر ئىنقىلابى» غا قارالسۇن). 

سېر

  • سېر[يەشمىسى:] ياۋروپادىكى بەزى پادىشاھلىق ئەللەردىكى ئەڭ تۆۋەن مەرتىۋە. ئىنگلىزچە Knight بولۇپ، مەنبەسى قەدىمكى ئىنگلىزچىدىكى Cniht. مەنىسى ھەمراھدېگەنلىك، كېيىن رىتسار دەپمۇ چۈشەندۈرۈلگەن. ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادىكى فېئودال پادىشاھلىقلار ئوتتۇرىسىدا دائىم ئۇرۇش بولۇپ تۇرغان. رىتسارلار پادىشاھقا، خان جەمەتىگە سادىق ئاساسىي قوشۇن بولۇپ، پادىشاھ ياكى چوڭ فېئوداللار (يەنى كىنەز، ماركىز، گراف، ۋىكونت، بارون قاتارلىق ئاقسۆڭەكلەر) تەرىپىدىن بېرىلگەن. ئۇنىڭ دەرىجىسى باروندىن تۆۋەن. ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن مەرتىۋە بېرىشكە بولمايدۇ. ئوق-دورىلارنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ئوقيا، خەنجەر ئىشلىتىدىغان رىتسارلارنىڭ قۇدرىتى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتكەچكە تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىققان. رىتسارلىق مەرتىۋىسى بېرىش تۈزۈمى شەرەپ ئۇنۋانى بېرىشكە يەنى سېر ئۇنۋانى بېرىشكە ئۆزگەرگەن. بۇ يەنە (تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقىرى) ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنگەن. خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە يەنە ئالاھىدە سېر ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئەنگلىيىدە بۇ ئۇنۋاننى بېرىشتە پۇقرا ۋە ئاقسۆڭەك دەپ ئايرىلمىغان. ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىنمىغان. فرانسىيىدە كىنەز، ماركىز، گراف قاتارلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغلىدىن باشقا ئوغۇللىرىغا مۇشۇ ئۇنۋان بېرىلگەن. تارىختا نۇرغۇن دۆلەتلەردە سېر تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. بۈگۈنكى كۈندە ئەنگلىيىدە يەنىلا ساقلانماقتا. گېرمانىيىدە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بىكار قىلىنغان، روسىيىدە ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن بىكار قىلىنغان. 

سېرافىموۋىچ

  • سېرافىموۋىچ[يەشمىسى:] (Александр Серафимович Серафимович، 1863 - 1949) سابىق سوۋېت يازغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى پوپوۋ. دون رايونىدىكى نامرات كازاك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1887-يىلى پېتېربۇرگ داشۆسى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقاندا، ئىنقىلابىي خىتابنامە تەييارلىغانلىقى ئۈچۈن سۈرگۈن قىلىنغان. سۈرگۈن جەريانىدا يېزىقچىلىققا كىرىشكەن. 1902-يىلى موسكۋاغا كەلگەندىن كېيىن، گوركىي باشقۇرغان «بىلىم» ژۇرنىلىنىڭ ماقالە يازغۇچىسى بولغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى ھېكايىلىرىدە ئەمگەكچى خەلقنىڭ پاجىئەلىك تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن (مەسىلەن، «يەر ئاستىدا»، «ئاچالچى»، «مەرگەن»)، بەزىلىرىدە 1905-يىلدىكى ئىنقىلاب دەۋرىدىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ قەھرىمانانە كۈرەشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن (مەسىلەن، «پرىسنىيىدە»، «كوچىدىكى جەسەتلەر»). 1912-يىلى ئېلان قىلىنغان «يايلاقتىكى شەھەر» دېگەن رومانىدا، روسىيىدىكى كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تەسۋىرلەنگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، ر ك پ (ب) گە كىرگەن ھەمدە «ئىجادىيەت»، «ئۆكتەبر» دېگەنگە ئوخشاش ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1924-يىلى يېزىلغان «تۆمۈر ئېقىم» دېگەن رومانىدا، ئىچكى ئۇرۇش دەۋرىدىكى قىزىل ئارمىيىنىڭ قەھرىمانانە كۈرەشلىرى تەسۋىرلەنگەن. ئۇ يەنە ۋەتەن ئۇرۇشىنى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى قۇرۇلۇشلارنى ئەكس ئەتتۈرگەن نۇرغۇن ھېكايە، ئوبزور ۋە ئوچېرىكلارنى يازغان. 

سېربىيە پادىشاھلىقى

  • سېربىيە پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] سېربلار بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىدا قۇرغان پادىشاھلىق. سېربلار جەنۇبىي (قىسىمدىكى) سلاۋىيانلارنىڭ بىر تارمىقى. مىلادى Ⅵ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە ئاۋارلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن دۇناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ساۋا (sava) دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىملىرىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىن ئادرىياتىك دېڭىزى بويلىرىغىچە بولغان جايلاردا، جۈملىدىن راشكا (Raska)، زېتا (Zeta)، ترابۇنجا (Trabunja)، خۇم (Hum) ۋە بوسنىيە (Bosnia) قاتارلىق رايونلاردا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. Ⅹ ئەسىردە بىر مەھەل بىرىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. Ⅺ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ۋىزانتىيىگە بويسۇنغان. 1190-يىلى مۇستەقىل بولغان. 1217-يىلى پادىشاھلىق بولۇپ قۇرۇلغان. 1346-يىلى سىتېۋان دۇشان كورۇل بولۇپ سېربىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. ئۇنىڭ زېمىنى سېربىيىدىن باشقا يەنە ماكېدونىيە (تېسسالونىكا Thessalonicaبۇنىڭ سىرتىدا)، ئالبانىيە، ئىپروس، سېسالى قاتارلىق كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. لېكىن ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئىمپېرىيە پارچىلىنىپ كەتكەن. 1389-يىلى كوسوۋو ئۇرۇشىدا سېربىيە تۈركىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، تۈركىيىنىڭ سۇلتانىغا ئەل بولۇپ، ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. 1459-يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنىغا رەسمىي قوشۇۋېتىلگەن. 1878-يىلى مۇستەقىل بولغان. 1882-يىلى قايتا پادىشاھلىق قۇرۇلغان.1914-يىلى 7-ئايدا ئاۋسترىيە -ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى سېربىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان. 1918-يىلى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى تارمار بولغاندىن كېيىن، سېربىيە-كرودىيە-سلوۋېنىيە پادىشاھلىقى ۋۇجۇدقا كەلگەن. 1929-يىلى يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتىلگەن.

سېربىيە قوزغىلىڭى

  • سېربىيە قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] سېربىيە خەلقىنىڭ تۈركىيىنىڭ زۇلمىغا قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي قوزغىلىڭى. بۇ قوزغىلاڭ ئىلگىرى-كېيىن ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان. بىرىنچى قېتىملىق قوزغىلاڭ 3181 - 4081-يىللىرى بولۇپ، قارا گېئورگې رەھبەرلىك قىلغان. موراۋا دەرياسى بىلەن درىنا دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى دىئۇمادىيا ئۇنىڭ مەركىزى بولغان. قارا گېئورگې مۇشۇ رايوندا ئىلگىرى گۋاردىيىگە قارشى پارچە-پۇرات كۈرەشلەرنى بىرلەشتۈرگەن ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن روسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1805-يىلى 4-ئايدا قوزغىلاڭچىلار مىللىي پارلامېنت چاقىرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە يەرلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، سۇلتاننىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. كۈرەش گۋاردىيىگە قارشى تۇرۇشتىن مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا ئايلانغان. قوزغىلاڭچىلار بېلگراد، پوشالېۋاسې، سمېدېرېۋو ۋە شاباسې قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان. 1806-يىلنىڭ ئاخىرىدا، قوزغىلاڭچىلار تۈركىيىنىڭ سۇلتانى سەلىم Ⅲ بىلەن «ئىچىكوپ سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن 1807-يىلى 3-ئايدا روسىيە بىلەن ھەربىي، سىياسىي ئىتتىپاق تۈزگەن، روسىيە قوشۇنلىرى سېربىيىگە كىرگەن. 6-ئايدا، قوزغىلاڭچىلار تۈركلەرنىڭ سېربىيىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قورغىنى — ئۇرىسېنى ئىشغال قىلغان. 8-ئايدا، روسىيە بىلەن تۈركىيە ئۇرۇش توختاتقان. 1808-يىلدىن كېيىن قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىچكى ماجىرا يۈز بەرگەنلىكتىن قارا گېئورگېنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنمىغان. 1809-يىلى ئۇرۇش قايتا پارتلىغان. تۈركىيە ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچىنى توپلىغان، قوزغىلاڭچى قوراللىق كۈچلەر كامېسى ۋە دېرېگرادتا مەغلۇپ بولغان. 1812-يىلى 5-ئايدا روسىيە بىلەن تۈركىيە «بۇخارېست سۈلھ شەرتنامىسى»نى ئىمزالاپ، سېربىيىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا يول قويغان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي، تۈركىيە كۆپ ئەسكەر يۆتكەپ قايتا ھۇجۇم قوزغىغان. 1813-يىلى 10-ئايدا بېلگراد قولدىن كەتكەن. قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان. قارا گېئورگې ئاز سانلىق قىسىملىرىنى باشلاپ، دۇناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ ۋېنگرىيىگە بارغان. ئىككىنچى قېتىملىق قوزغىلاڭ 7181 - 5181-يىللىرى مېلوشنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان. 1815-يىلى 7-ئايدا، قوزغىلاڭچىلار رودنىك، چاچاك، پوشالىۋاسې ھەم كرالېۋو قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان. سېربىيىنىڭ شىمالىي قىسمى ئازاد بولغان. شۇ يىلى 10-ئايدا ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ قول تىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سېربىيە بىلەن ئاغزاكى توختام تۈزۈپ، دۇناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى دەريا ياقىسىدا ئولتۇراقلاشقان سېربىيىلىكلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىغا، قورالغا ئىگە بولۇشىغا، باج-سېلىقنى ئۆزلىرى يىغىشقا ھەمدە ئەدلىيە-مەمۇرىي ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا، بېلگرادتا مىللىي پارلامېنت تەسىس قىلىشقا يول قويغان. لېكىن تۈركىيە پاترىئارخاللىق ھوقۇق ۋە سېربىيىدە مۇھاپىزەتچى قىسىملارنى تۇرغۇزۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغان. 1817-يىلى 11-ئايدا، مىللىي پارلامېنت مېلوشنى سېربىيىنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىدىغان كىنەزلىكىگە سايلىغان. قوزغىلاڭلار سېربلارنىڭ كېيىنكى تولۇق مۇستەقىل بولۇشى ئۈچۈن ئاساس يارىتىپ بەرگەن. 

سېربىيە ئۇيۇشمىسى

  • سېربىيە ئۇيۇشمىسى[يەشمىسى:] سېربىيە ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە مەدەنىيەت-مائارىپ تەشكىلاتى. ئۇنى سېربىيە يازغۇچىسى ۋە قانۇنشۇناسى ئى. خاچېچ ھەم سېربىيە سودىگەرلىرى 1826-يىلى 2-ئايدا چېستتا قۇرغان. جەمئىيەتنىڭ مەقسىتى — سېربىيە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈشتىن ئىبارەت. يۇگوسلاۋىيە قوشما شتات خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ تەشكىلات ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىي-مائارىپ مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ قارىمىقىدا ئەدەبىيات، ئىلىم-پەن، تارىخىي ھۈججەت ۋە سەنئەتتىن ئىبارەت تۆت شۆبە جەمئىيەت ھەمدە رەسىم كۆرگەزمىسى، نەشرىيات قاتارلىق ئورگانلار تەسىس قىلىنغان ھەمدە مەخسۇس ئىلىم-پەن نەشرىياتى ۋە قەرەللىك ژۇرنال «يىللىق مەجمۇئە» نەشىر قىلىنغان. 

سېرپاپىنتو

  • سېرپاپىنتو[يەشمىسى:] (Alexandre Alberto da Rocha Serpa pinto، 0091 - 6481) پورتۇگالىيىلىك مۇستەملىكىچى، ئېكسپېدىتسىيىچى. 1869-يىلى زامبېزى دەرياسى ۋادىسىدىكى قەبىلىلەرنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. 1877-يىلى ئافرىقىغا بېرىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىپ، ئانگولادىن يولغا چىقىپ، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، موزامبىك دېڭىز ياقىسىغا يېتىپ بارغان. 1884-يىلى يەنە قوراللىق ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنى باشلاپ ئافرىقىغا بارغان ھەمدە موزامبىكنىڭ شىمالىي قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1887-يىلى زانزىباردا تۇرۇشلۇق باش كونسۇل بولغان. 1889-يىلى موزامبىكنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئانگولادىن موزامبىككىچە بولغان ئارىلىقتىكى يەرلەرنى بېسىۋېلىشىغا تەدبىر كۆرسىتىپ بەرگەن. ئەنگلىيىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن ئەمەلگە ئاشمىغان. «ئافرىقىنى قانداق قىلىپ توغرىسىغا كېسىپ ئۆتتۈم» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

سېرتورىئۇس

  • سېرتورىئۇس[يەشمىسى:] (Quintus Sertorius، مىلادىدىن ئىلگىرى 122 - 72) قەدىمكى رىملىق سىياسىئون، گېنېرال. سابىن رايونىدىكى نۇرسىيە (Nursia) دە تۇغۇلغان. مىلادىدىن 102 يىل ئىلگىرى مارىئوس قوشۇنىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. كېيىن مارىئوسنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى بولغان. مىلادىدىن 91 يىل ئىلگىرى جەنۇبىي گاللىيىدە مالىيە ئىشلىرى ئەمەلدارى بولغان. رىمغا قايتقاندىن كېيىن پاسبانبەگ سايلام رىقابىتىگە قاتناشقاندا، سۇللانىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. مىلادىدىن 83 يىل ئىلگىرى ئىسپانىيىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. سۇللا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغاندا ئافرىقىغا قېچىپ كەتكەن، مۇرىتانىيىدە سۇللاغا قاراشلىق قىسىملارنى مەغلۇپ قىلغان. مىلادىدىن 81 ياكى 80 يىل ئىلگىرى لوسسىدانىيىلىكلەرنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىسپانىيىگە قايتىپ كېلىپ، يەرلىك ئاھالىلەردىن ئەسكەر ئېلىپ ئارمىيە قۇرغان ھەم 300 كىشىدىن تەركىب تاپقان سېنات ۋە باشقا ھاكىمىيەت ئورگانلىرى (رىم تۈزۈلمىسىگە تەقلىد قىلىپ) نى تەسىس قىلغان، رىم قاچقۇنلىرىنى قوبۇل قىلىپ مەكتەپ ئېچىپ، شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە رىمچە تەلىم-تەربىيە بەرگەن. سۇللا ئۆلگەندىن (مىلادىدىن 78 يىل ئىلگىرى) كېيىن كۈچلۈك قوشۇن بولۇپ تەرەققىي قىلىپ، رىم ھوقۇقدارلىرى بىلەن قارشىلاشقان. پومپىئوس بۇيرۇققا بىنائەن قوشۇن باشلاپ جازا يۈرۈش قىلغاندا، دەسلەپتە كۈچ ئېلىشالمىغان. مىلادىدىن 72 يىل ئىلگىرى بىر قېتىملىق زىياپەتتە سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. قالغان كىشىلەر پومپىئوس تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. 

سېررايىللېر

  • سېررايىللېر[يەشمىسى:] (Auguste Serrailler، تەخمىنەن 1840 — 1873) فرانسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەربابى. بالىلىق دەۋرىدە ئاتىسى بىلەن بىللە لوندوندا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، ئىشچى بولغان. لوندوندا ماركس بىلەن تونۇشقان. 1869-يىلىدىن باشلاپ بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال باش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 1870-يىلدىن باشلاپ بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە ئىسپانىيىدە مۇخبىر سېكرىتار بولغان. 4-سېنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، باش كومىتېتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، پارىژغا بېرىپ، پارىژ ياچېيكىسى بىلەن ئالاقە باغلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. 1871-يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنى پارىژ كوممۇناسىنىڭ ھەيئەتلىكىگە تولۇقلاپ سايلانغان ھەمدە ئەمگەك ۋە ئالماشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن لوندونغا قايتقان، فرانسىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن سىرتتىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. كېيىن بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ پائالىيەتلىرىگە داۋاملىق قاتناشقان ھەمدە ماركسنىڭ ھۆكۈمەتسىزلەرگە قارشى كۈرىشىنى قوللىغان. 

سېرف

  • سېرف[يەشمىسى:] فرانسۇزچە Serf نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. مەنىسى — «يانچى». ئوتتۇرا ئەسىردە غەربىي ياۋروپادىكى يانچىلار. كېلىش مەنبەسى بىرى يانچى (Serf دېگەن سۆز لاتىنچە servus تىن كەلگەن. ئەسلى مەنىسى «قۇل» دېگەنلىك)؛ يەنە بىرى فېئوداللىشىش جەريانىدا ۋەيران بولۇپ كەتكەن يېزا جامائەسىدىكى ئەركىن دېھقانلاردىن ئىبارەت. سېرف خوجىداردىن بىر ئۈلۈشلۈك يەرگە ئىگە بولغان ھەمدە ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، يەككە ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشقىمۇ بولغان، شۇڭا قۇللارغا قارىغاندا ئۇلار بەلگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپچانلىقىغا ئىگە. بىراق خوجىدارلارغا ئىشلەپ بېرىشكە (ئەمگەك بىلەن تۆلىنىدىغان يەر ئىجارىسى)، نوپۇس بېجى، نىكاھ بېجى تاپشۇرۇشقا ۋە چېركاۋغا ئۆشرە تاپشۇرۇشقا توغرا كەلگەن. جىسمانىي ئەركىنلىكى يوق. خوجىدارلار ئۇلارنى بەرگەن يەر بىلەن قوشۇپ باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ياكى تەقدىم قىلىشقا بولغان؛ ئەگەر ئۇلار قورۇقتىن قېچىپ كەتسە، خوجىدارنىڭ قوغلاپ تۇتۇپ كېلىش ھوقۇقى بولغان؛ئۇلار ئۆز مال -مۈلكىنى خالىغانچە تەقسىم قىلالمايدۇ، ئەگەر ئۆلۈپ قالسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋارىسى بولمىسا، ئۇلارنىڭ بارلىق مال-مۈلكى خوجىدارغا تەۋە بولىدۇ، ئەگەر ۋارىسى بولسا، خوجىدار مەرھۇمنىڭ مال-مۈلكىنىڭ ئىككىدىن بىر قىسمىغا ياكى ئۈچتىن بىر قىسمىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ مىراس بېجى دەپ ئاتىلىدۇ. خوجىدارلار ئۇلارغا قارىتا يەنە تۇنجى كېچىلىكى ھوقۇقى قاتارلىق ئىمتىيازلارغا ئىگە. ⅩⅢ ئەسىردىن كېيىن ئەنگلىيە-فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تاۋار پۇل مۇناسىۋىتىنىڭ يېزىلارغا سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ پۇل بىلەن تۆلىنىدىغان يەر ئىجارىسى پەيدىنپەي ئەمگەك بىلەن تۆلىنىدىغان يەر ئىجارىسى ۋە ماددىي نەرسىلەر بىلەن تۆلىنىدىغان يەر ئىجارىسىنىڭ ئورنىنى باسقان. سېرف زور مىقداردا تۆلەم تاپشۇرۇش ئارقىلىق خوجىدارلارغا بېقىنىدىغان مۇناسىۋەتتىن قۇتۇلۇپ، ئاتالمىش ئەركىن دېھقانغا ئايلانغان.

سېرۋانتېس

  • سېرۋانتېس[يەشمىسى:] (Miguel de Cervantes Saavedra، 6161 - 7451) ئىسپانىيىلىك يازغۇچى، ۋەيران بولغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1571-يىلى 10-ئايدا، ئىسپانىيە-ۋېنېتسىيە فلوتىنىڭ تۈركىيە فلوتى بىلەن لېپانتو يېنىدا ئېلىپ بارغان دېڭىز ئۇرۇشىغا قاتناشقان. بۇ ئۇرۇشتا ئېغىر يارىدار بولۇپ، سول قولىدىن ئايرىلغان. 1575-يىلى ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىدە، دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ، ئالجىرىيىدە قامالغان. 1580-يىلى تۇغقانلىرىنىڭ تۆلەم بېرىشى ئارقىسىدا ئەركىنلىككە ئېرىشىپ مادرىدقا قايتقان. كېيىن تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بىلەن باجگىر بولغان ھەمدە ئومۇمنىڭ پۇلىنى ئوغرىلىدى، دەپ ئىككى قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى — «دون- كىخوت». ئۇ تۈرمىدىكى ۋاقتىدا ماتېرىيال توپلاپ قويغان، مەزكۇر رومان جەمئىي ئىككى قىسىم بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1605-يىل ۋە 1615-يىلى ئېلان قىلىنغان. ئەسەردە ئاساسەن ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئىسپانىيە جەمئىيىتىنىڭ قاراڭغۇلۇق تەرىپى، رىتسارلار تەبىقىسىنىڭ زاۋالغا يۈز تۇتقانلىقى، چېركاۋنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇقى ۋە خەلقنىڭ جاپا-مۇشەققىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى بىر نادىر رېئالىزملىق رومان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باشقا مۇھىم ئەسەرلەردىن 1582-يىلى ئېلان قىلىنغان «نۇرمېنسىيا» دېگەن تارىخىي تراگېدىيىدە مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىردە ئىسپانىيىنىڭ نۇرمېنسىيا شەھىرىدىكى خەلقنىڭ قەدىمكى رىم ئىستېلاچىلىرىغا قەتئىي تىز پۈكمەي قارشى تۇرغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىلەر تەسۋىرلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا غايىۋى رومانى «گالېتىيا»، داستان «بالناس ساياھىتى»، سەككىز يېڭى كومېدىيە ۋە سەككىز قىستۇرما تىياتىر توپلىمى ۋە باشقىلار بار.

سېرۋېتوس

  • سېرۋېتوس[يەشمىسى:] (Michael Servetus، تەخمىنەن 1511 - 1553) ئىسپانىيىلىك گۇمانىتار ئالىم ۋە دوختۇر. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۆز دۆلىتىدىكى ساراگوسا ۋە فرانسىيىدىكى تولۇزادا قانۇن ئۆگەنگەن. 1531-يىلى ماقالە ئېلان قىلىپ، كاتولىك چېركاۋىنىڭ ئۈچ بىر گەۋدە تەلىماتىغا قارشى تۇرغان. 1536-يىلى پارىژغا بېرىپ، تىببىي ئىلىم (بولۇپمۇ ئاناتومىيە) نى تەتقىق قىلىپ، قاننىڭ ئۆپكە ئارقىلىق ئايلىنىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئادەم تېنىدە قان ئايلىنىش سىستېمىسىنى ئېچىپ تاشلاشقا مەلۇم تۆھپە قوشقان. 3551 - 1451-يىللىرى ۋېنادا دوختۇرلۇق قىلغان. 1553-يىلى «خرىستىئان دىنىنىڭ گۈللىنىشى» دېگەن كىتابنى نەشىر قىلدۇرغان. بۇ كىتابتا ئۆزىنىڭ پەلسەپە ۋە تەبىئىي پەن توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن كاتولىك چېركاۋىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، كالۋىن دىنى كونتروللۇقىدىكى جەنۋەگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. كالۋىن دىنىدىكىلەر ئۇنى قوغداپ قېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە بىدئەت دېگەن جىنايەت بىلەن كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بەرگەن. 

سېرۋى تۇللىئۇس

  • سېرۋى تۇللىئۇس[يەشمىسى:] (Servius Tullius) رىۋايەتلەردىكى رىم پادىشاھلىق ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى 6-پادىشاھ (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 435 - 875). ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئايال قۇلنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئايال خوجايىن ياقتۇرۇپ قالغانلىقتىن، سابىق شاھ تاكۋىن پرىسكۇنىڭ قىزى بىلەن توي قىلىپ ھەمدە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. ئىتىرولىيالارنىڭ رىمدىكى ھۆكۈمرانى. تەختتە ئولتۇرغان چاغدا، رىم سېپىلىنى سالدۇرغان، مېتال پۇل قۇيدۇرغان، بولۇپمۇ تۆۋەندىكى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان: مال-مۈلۈكنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ، رىملىقلارنى بەش دەرىجىگە ئايرىپ، ھەرقايسى دەرىجىلىكلەر مۇناسىپ ھالدا يۈز كىشىلىك پولك (سىنتورىيە) چىقارغان. بىرىنچى دەرىجىلىكلەر يۈز مىڭ ئاسقا تەڭ كېلىدىغان مال-مۈلۈككە ئىگە بولۇپ، ئېغىر قورال بىلەن قوراللانغان 80 پىيادە ئەسكەرلەر يۈز كىشىلىك پولكى ۋە 18 ئاتلىق ئەسكەرلەر يۈز كىشىلىك پولكى چىقارغان، ئىككىنچى دەرىجىلىكلەر، 75 مىڭ ئاس مال-مۈلۈككە ئىگە بولۇپ، ئېغىر قورال بىلەن قوراللانغان 22 پىيادە ئەسكەرلەر پولكى چىقارغان، ئۈچىنچى دەرىجىلىكلەر 50 مىڭ ئاس مال-مۈلۈككە ئىگە بولۇپ، ئېغىر قورال بىلەن قوراللانغان 20 پىيادە ئەسكەرلەر پولكى چىقارغان. تۆتىنچى دەرىجىلىكلەر 25 مىڭ ئاس مال-مۈلۈككە ئىگە بولۇپ، يېنىك قورال بىلەن قوراللانغان 22 پىيادە ئەسكەرلەر پولكى چىقارغان، بەشىنچى دەرىجىلىكلەر، 11 مىڭ ئاس مال-مۈلۈككە ئىگە بولۇپ، يېنىك قورال بىلەن قوراللانغان 30 پىيادە ئەسكەرلەر پولكى چىقارغان. بۇنىڭدىن باشقا پرولېتارلار دەرىجىگە كىرگۈزۈلمەي، يېنىك قورال بىلەن قوراللانغان بىر پىيادە ئەسكەرلەر پولكى چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە يۈز كىشىلىك ئۆمەك كېڭىشى (سىنتورىيە كېڭىشى) تەسىس قىلىنىپ، مۇھىم ھوقۇققا ئىگە بولغان، ھەربىر يۈز كىشىلىك ئۆمەك بىر ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، بىرىنچى دەرىجىلىكلەر 193 ئۆمەكنىڭ ئىچىدە 98 ئۆمەكنى ئىگىلەپ مۇتلەق كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلغان. ئەسلىدىكى كورىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئەھمىيىتى بارا-بارا يوقالغان. ئادەتتە بۇ ئىسلاھات رىمنىڭ ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىن سىنىپىي جەمئىيەتكە ئۆتكەنلىكىنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىدۇ.

سېرىق لايىھە

  • سېرىق لايىھە[يەشمىسى:] فاشىستلار گېرمانىيىسىنىڭ غەربىي ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلىشتىكى ھەربىي پىلانىنىڭ شەرتلىك بەلگىسى. 1939-يىلى كۈزدە گېرمانىيە ئارمىيىسى پولشانى بېسىۋالغاندىن كېيىن، گىتلېر غەربىي سەپتە ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئالىي قوماندانلىق شتابى بۇ لايىھىنى تۈزۈپ چىققان. بۇنىڭدا گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى ئوڭ قاناتقا قويۇش، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليۇكسېمبۇرگدىن ئۆتۈپ ئەنگلىيە بوغۇزىنى بويلاپ فرانسىيىنىڭ شىمالىنى ئىشغال قىلىش ھەمدە ئۇ يەرنى ئەنگلىيىگە دېڭىزدىن، ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش بازىسى قىلىش پىلانلانغان. گىتلېر ئۇنى 1939-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىجرا قىلىشنى بۇيرۇغان، لېكىن ئۇ قايتا-قايتا كېچىكتۈرۈلگەن. 1940-يىلى 2-ئايدا، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئالىي قوماندانلىق شتابى گىتلېرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، بۇ لايىھىنى تۈزەتكەن. يېڭى لايىھىدە گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى ئوتتۇرىدا مېڭىپ، برونىك قىسىملار بىلەن ئادېن رايونىدىن بۆسۈپ كىرىش، ئاندىن توپتوغرا ئەنگلىيە بوغۇزىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى فرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە چېگرىسىدا قورشاپ يوقىتىش بەلگىلەنگەن. 1940-يىل 5-ئاينىڭ 10-كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسى مۇشۇ لايىھە بويىچە غەربىي سەپتە ھۇجۇم باشلىغان. 

سېرىق ئىنتېرناتسىئونال

  • سېرىق ئىنتېرناتسىئونال[يەشمىسى:] يەنى «بېرنې ئىنتېرناتسىئونالى».

سېزې رۇڭيى (شىبۇساۋا ئېيئىچى)

  • سېزې رۇڭيى (شىبۇساۋا ئېيئىچى)[يەشمىسى:] (1840 - 1931) ياپونىيىلىك سودا-سانائەتچى. قوشۇمچە سودىگەرچىلىك قىلىدىغان پومېشچىك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا شوگناتتا ئەمەلدار بولغان. 1867-يىلى توكوگاۋا ئاكىتاكى (توكوگاۋا كېيىكىنىڭ ئىنىسى) بىلەن پارىژغا بېرىپ دۇنيا كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان. 1868-يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن شىزوكادا سودا قانۇنىي ئۇيۇشمىسىنى تەسىس قىلغان. 1869-يىلى مالىيە ۋازارىتى، خەلق ئىشلىرى ۋازارىتىدە ئىشلىگەن. 1872-يىلى مالىيە ئامبىلى بولۇپ، مالىيەنى تەرتىپكە سالغان. ياندۇرقى يىلى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ خىراجىتىنى قىسقارتىپ ۋازارەتلەر بىلەن قارشىلىشىپ قالغانلىقتىن، جىنشاڭشىن بىلەن بىللە خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزى تۇنجى مەملىكەتلىك بانكا قۇرغان. 1916-يىلى مالىيە ساھەسىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ۋاڭزى قەغەزچىلىك، ئوساكا توقۇمىچىلىق شىركىتى قاتارلىق 500 دىن ئارتۇق شىركەت-كارخانا قۇرۇپ، ياپونىيە بويىچە مالىيە ساھەسىدىكى دوكالاردىن بىرى بولۇپ قالغان. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى 15 يىلىدا ئاساسەن مەدەنىي-مائارىپ، ئىجتىمائىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان. مەسىلەن، سودا قانۇنى ئوقۇش يۇرتى قاتارلىق تۈرلۈك سودا-سانائەت مەكتەپلىرىنى قۇرغان، توكيو شەھەرلىك كۈتۈش يۇرتى قاتارلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي كەسپىي تەشكىلاتلىرىنى تەسىس قىلغان ۋە باشقىلار. كېيىن بەش توملۇق «شىبۇساۋا ئېيئىچى ئەسەرلىرى» چىقىرىلغان. 

سېستېرتىئۇس

  • سېستېرتىئۇس[يەشمىسى:] (Sestertius) قەدىمكى رىم كۈمۈش پۇلىنىڭ نامى. تەڭگە دىنارىئۇسنىڭ تۆتتىن بىرىگە تەڭ. بىر سېستېرىتىئۇس دەسلەپتە (مىلادىدىن 217 يىل ئىلگىرى) ئىككى يېرىم ئاس مىس پۇلغا باراۋەر بولغان. كېيىن ئېيتىشلارغا قارىغاندا تۆت ئاسقا باراۋەر بولغان. 

سېغىز تاختا ھۈججەتلىرى

  • سېغىز تاختا ھۈججەتلىرى[يەشمىسى:] قەدىمكى غەربىي ئاسىيا رايونىدىكى بىر خىل يېزىق خاتىرىسى. ئەڭ دەسلەپ مېسوپوتامىيە ۋادىسى (سۇمېرلىقلار) قوللانغان، كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىدىكى كەڭ رايونلارغا تارقالغان. ئاساسلىقى قەدىمكى سۇمېر، ئاككاد، بابىلون، ئاسسۇرىيە، ھىتت ۋە پېرسىيە قاتارلىق جايلارنىڭ يازما يادىكارلىقى ھېسابلىنىدۇ. مىخ يېزىق بىلەن سېغىز تاختىغا خەت ئويۇلۇپ، ئاندىن ئاپتاپتا ياكى ئوتقا قاقلىنىپ قۇرۇتۇلغان. قانۇنلار دەستۇرى، ماددىلار، دىپلوماتىيە خاتىرىلىرى، ئىقتىسادقا دائىر ھۈججەتلەر، قەرز توختامى، تارىخىي خاتىرىلەر شۇنىڭدەك ئەدەبىي ئەسەرلەر، ئاسترونومىيىگە ئائىت ماتېرىياللار، دىنىي كىتابلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ⅩⅨ ئەسىردىن باشلاپ بابىلون، لاگاش، ئۇر، مارى ۋە نىنېۋې قاتارلىق قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ خارابىسىدىن زور مىقداردا تېپىلغان (ھازىرغىچە داۋاملىق تېپىلماقتا). مىخ يېزىق يېشىلگەچكە سېغىز تاختىغا يېزىلغان ھۈججەتلەر قەدىمكى مېسوپوتامىيە ۋادىسى ۋە غەربىي ئاسىيانىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئىپتىدائىي ماتېرىيال بولۇپ قالغان.

سېكت

  • سېكت[يەشمىسى:] (Hans von Seeckt، 6391 - 6681) گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى. ئوفىتسېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئاۋسترىيە ۋە تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىلىرىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانى (1920 - 1926) بولغان. 5391 - 0391-يىللىرى جۇڭگوغا كېلىپ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىسى بولغان. «بىر ھەربىينىڭ ئىدىيىسى»، «دۆلەت مۇداپىئەسى»، «مولتكې» (Moltke) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

سېكىستوس ئىمپې-رىكۇس

  • سېكىستوس ئىمپې-رىكۇس[يەشمىسى:] (Sextus Empiricus) مىلادى Ⅲ ئەسىردىكى قەدىمكى رىم پەيلاسوپى. كېيىنكى دەۋردە ئۆتكەن شۈبھىچى. ئىش پائالىيەتلىرى نامەلۇم. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئالېكساندرىيە ۋە رىمدا پەلسەپە ئۆگەنگەن. ئۇ، شۈبھىچىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن، ھەرقانداق نەرسىنى بىلگىلى بولمايدۇ، دەپ قارىغان. بىرىنچىدىن، ئۆز-ئۆزىنى بىلىپ كەتكەن ھېچقانداق نەرسە يوق، چۈنكى تۇيغۇ بولسۇن ياكى ئىدىيە بولسۇن، ھەممىسى ھەقىقەتنىڭ بەلگىسى بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمەيدۇ، ھەقىقەتنىڭ بەلگىسى بولالايدىغان بارلىق نەرسىلەر زىددىيەت بىلەن تولۇپ كەتكەن ۋە ئىشەنچسىز. ئىككىنچى، ھەرقانداق نەرسىنى باشقا نەرسە ئارقىلىق بىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ، مەلۇم نەرسىنى بىلىشكە ۋاسىتە بولغان ھېلىقى نەرسىنى يەنە باشقا نەرسە ئارقىلىق بىلىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئايلانما دەلىللەش ۋە «چەكسىز ئىلگىرىلەش» ھالىتىگە چۈشۈپ قالىدۇ. نەتىجىدە، ھەرقانداق شەيئىلەرگە بىقارار بولىدىغان شۈبھىچىلىك پوزىتسىيىدە بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇنىڭ ئىككى خىل ئەسىرى تارقىلىپ كەلمەكتە. «پىررون تەلىماتى پروگراممىسى» ئۈچ توم. ئۇنىڭدا قەدىمكى يۇنان شۈبھىچىلىرىنىڭ پىرى پىرروننىڭ تەلىماتى بايان قىلىنغان؛ «ماتېماتىكىغا قارشى» («ھۆكۈم چىقارغۇچىغا رەددىيە» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ) 11 توم، ئۇنىڭدا دەلىللەنگەن بارلىق پەلسەپىگە، جۈملىدىن گرامماتىكا، ستىلىستىكا، گېئومېترىيە، مۇنەججىملىك، ماتېماتىكا ۋە ئاھاڭغا ئوخشاش تۈرلۈك پەنلەرگە ھۇجۇم قىلىنغان، ناتۇرال پەيلاسوپلارغا، لوگىكاشۇ- ناسلارغا رەددىيە بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە پەلسەپە تارىخىغا ئائىت نۇرغۇن مۇھىم ھۈججەت-ماتېرىياللار ساقلانغان. 

سېكىگاخارا ئۇرۇشى

  • سېكىگاخارا ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ياپونىيە ئازۇچى مومويامانىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، توكۇگاۋا ئېياسۇ تويوتومى جەمەتىنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇرۇش. تويوتومى ھىدې يوشى ئۆلگەندىن كېيىن توكوگاۋا ئېياسۇ تويوتومى سىياگونلىرىنىڭ بىر بىرى بىلەن قارشىلى- شىشىنى پەيدا قىلىپ، كاتوكىيو ماسا قاتارلىق كىشىلەرنى ئۆز يېنىغا تارتىپ ئىشىدا مىسونارىنى كۈشكۈرتكەن. توكۇگاۋا ئېياسۇ قوشۇنى بىلەن ئىشىدا مىسونارى قوشۇنى 1600-يىلى 9-ئايدا مىنونىڭ سېكىگاخارا (ھازىرقى گىخۇنا ناھىيىسىنىڭ فوۋا رايونى) دېگەن يېرىدە ئۇرۇش قىلغان. ئىشىدۇ مىسونارى بىلەن كونىشى يوكىناگا قاتارلىقلار ئۆلتۈرۈلۈپ، تويوتومى ھىدې يورىمۇ 650 مىڭ تاغار مائاش ئالىدىغان چوڭ زېمىندار ئورنىغا چۈشۈپ قالغان. توكۇگاۋا ئېياسۇ ئوساكادىن باشقا ئاساسلىق شەھەر ۋە كانلارنى تارتىۋېلىپ، پۈتۈن مەملىكەت باج-سېلىقى ئومۇمىي سانىنىڭ [SX(]1[]6[SX)] قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بىۋاسىتە قاراشلىق خوجا يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك زومىگەرلىك ئورنىنى تىكلەپ، 1603-يىلى ئېدو باكو شوگۇنلۇقىنى قۇرۇپ چىققان. 

سېگفرېد مۇداپىئە لىنىيىسى

  • سېگفرېد مۇداپىئە لىنىيىسى[يەشمىسى:] 1936 - 1939-يىللىرى فاشىست گېرمانىيىسى غەربىي چېگرىدا قۇرۇپ چىققان مۇداپىئە ئىستىھكام سىستېمىسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 500 نەچچە كىلومېتر كېلىدۇ. كۆپ قىسىم بۆلىكى فرانسىيىنىڭ ماگىنوت مۇداپىئە لىنىيىسىگە يانداش بولغان. سېگفرېد (Sieg Fied) گېرمانىيىنىڭ ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى خەلق ئارىسىدىكى تارىخىي داستان «نىبورونگې ناخشىسى» دىكى قەھرىمان، رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەجدىھا قېنى بىلەن يۇيۇنغاندىن كېيىن، پۈتۈن بەدىنى خەنجەر ئۆتمەيدىغان بولغانىكەن. مۇداپىئە لىنىيىسىنىڭ مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىشىدا، يىمىرىلمەيدۇ، دېگەن مەنىمۇ بار. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بىر مەھەل ئامېرىكا-ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى توسقان، 1945-يىل 3-ئايدا بۆسۈپ ئۆتۈلگەن. 

سېگنوبوس

  • سېگنوبوس[يەشمىسى:] (Charles Seignobos، 2491 - 4581)، فرانسىيىلىك تارىخشۇناس. پارىژ ئالىي سىفەن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 9781 - 7781-يىللاردا گېرمانىيىگە بېرىپ ئوقۇپ، رانكې ئىلمىي ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. 1879-يىلىدىن باشلاپ دىۋو داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1905-يىلى پارىژ داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. دەسلەپتە قەدىمكى زامان تارىخى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان، كېيىن يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا بېرىلگەن. ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تارىخ دەرسلىكىنى يېزىش بىلەن ئابروي قازانغان ھەمدە لاۋىسسې باش تەھرىرلىكىدىكى «دۇنيا ئومۇمىي تارىخى» ۋە «فرانسىيىنىڭ ھازىرقى زامان تارىخى» نى يېزىش خىزمىتىگە قاتناشقان. ئۇ دەلىلچىلىك كۆز قارىشىدىكى تارىخشۇناس بولۇپ، 1898 -يىلى لانگېلويا بىلەن بىرلىشىپ يازغان «تارىخ تەتقىقاتىنىڭ مۇقەددىمىسى» دېگەن ئەسىرىدە، تارىخنىڭ «تارىخىي ماتېرىيال» لاردىن پايدىلىنىدىغان پەن ئىكەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ بىر خىل «سۇبيېكتىپ پەن» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تارىخ تەتقىقاتىنى تۆت قەدەمگە: تارىخىي ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش؛ پاكىتلارنى تۈرلەرگە ئايرىش؛ تارىخىي ماتېرىيالنىڭ كەمچىلىكى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان بوشلۇقنى ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئارقىلىق تولدۇرۇش؛ تۈرلەرگە ئايرىلغان ماتېرىياللار ئىچىدىن «فورمۇلا» نى ئىلغاپ چىقىشتىن ئىبارەت تۆت باسقۇچقا ئايرىش لازىم، دەپ قارىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى «مەدەنىيەت تارىخى»، «ئىككىنچى ئىمپېرىيىنىڭ زاۋال تېپىشى ۋە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇ- لۇشى»، «فرانسۇزلارنىڭ ھەقىقىي تارىخى» (خەنزۇچە تەرجىمىسى «فرانسىيە تارىخى» دەپ ئاتالغان)، «ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ سېلىشتۇرما تارىخى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

سېلاسسېⅠ

  • سېلاسسېⅠ[يەشمىسى:] (Haile Selassie I، 5791 - 2981) ئېفىئوپىيىنىڭ پادىشاھى (4791 - 0391). ئەسلى ئىسمى تافارىماكوننېن (Tafari Makonnen). خارار ئۆلكىسىدىكى پادىشاھ جەمەتىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا فرانسىيىلىك مىسسىئونېردىن تەربىيە ئالغان. 1906-يىلى يېڭىچە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان. سالالې (Salale) نىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1907-يىلى سىدامو (Sidamo) نىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1910-يىلى خارار ئۆلكىسىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1916-يىلى ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشى قىلىپ، ئۆزى نايىب شاھ ۋە ۋەلىئەھد بولۇۋالغان. نايىب شاھ بولغان مەزگىلدە، ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى نۇرغۇن مەملىكەتلەرگە بېرىپ زىيارەت قىلغان ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان؛ ئىچكى ئىشلارنى ئىسلاھ قىلغان. ئارمىيىنى تەرتىپكە سالغان، پادىشاھلىق مۇھاپىزەتچى قوشۇن تەشكىللىگەن، بانكا ۋە مەكتەپلەرنى قۇرغان، چەت ئەلگە ئوقۇغۇچىلارنى ئەۋەتكەن، ياۋروپالىقلارنى مەسلىھەتچىلىككە ۋە تېخنىكلىققا تەكلىپ قىلغان، چەتتىن تېخنىكا كىرگۈزگەن، ھاكىمىيەتنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن. 1928-يىلى ئۆزى پادىشاھ بولۇۋالغان. 1930-يىلى ئايال پادىشاھ زاۋدىتۇ (Zawditu) ئۆلگەندىن كېيىن پادىشاھلىق تاج كىيىپ، سېلاسسې Ⅰ دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى يىلى ئېفىئوپىيە بويىچە تۇنجى ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىققان. 1935-يىلى ئىتالىيە ئارمىيىسى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە قەتئىي قارشىلىق كۆرسەتكەن. كېيىن ئېرۇسالىمغا كېتىپ، ئەنگلىيىدە سەرگەردان بولغان. 1940-يىلى سۇداندا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. 1941-يىلى 5-ئايدا ئىتالىيە ئارمىيىسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ، تەختىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1971-يىلى 10-ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان. 1974-يىلى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتە بىكار قىلىنغان.

سېلىق تەڭشەش قانۇنى

  • سېلىق تەڭشەش قانۇنى[يەشمىسى:] چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ مالىيە تۈزۈملىرىدىن بىرى. ھەربىي تەمىناتنىڭ تولۇق بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، كىرىم-چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، باجنى ئازايتىش، خەلق يۈكىنى تەڭشەش ئۈچۈن يولغا قويغان بىر خىل ئىسلاھات تەدبىرى. 1752-يىلدىن باشلاپ خەلق زىممىسىدىكى ھەربىي لازىمەتلىك رەخت سېلىقى (ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ئورنىغا رەخت تاپشۇرۇشنى دەسسىتىشتىن ئىبارەت نوپۇس بېجى) نىڭ يېرىمىنى كېمەيتىۋالغان، يىللىق تاپشۇرىدىغان ئىككى توپ رەختنى بىر توپقا چۈشۈرگەن. بۇرۇن پادىشاھ جەمەتى ۋە باشقا ھوقۇقلۇق ئائىلىلەر شەخسىي ئىگىلىۋالغان بېلىقچىلىق بېجى، تۇز بېجى، كېمە بېجى قاتارلىقلارنى ھۆكۈمەت ئالىدىغان باجغا ئۆزگەرتكەن. باج گۈرۈچ، باج پۇل دېگەن نام ئاستىدا يەر بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش بىلەن ھەربىي رەخت سېلىقىنىڭ يېرىمىنى كېمەيتىپ ئېلىشتىن كېلىپ چىققان مالىيە جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان. بۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن قارىماققا دېھقانلارنىڭ ھەربىي رەخت سېلىقى شەكىل جەھەتتە يېرىم كېمەيتىلگەن، ئەمما ئەمەلىيەتتە باج گۈرۈچ ۋە باج پۇل دېگەن نام بىلەن يەر بېجى يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. بېلىقچىلار، تۇزچىلارنىڭ بېلىقچىلىق، تۇزچىلىق ۋە كېمىچىلىك باج-سېلىقىنى كۆپەيتكەن. 

سەلىمⅠ

  • سەلىمⅠ[يەشمىسى:] (Selim Ⅰ، تەخمىنەن 0251 - 7641)، تۈركىيىنىڭ سۇلتانى (0251 - 2151). بايەزىد Ⅰ نىڭ كەنجى ئوغلى. 1514-يىلى 8-ئايدا چالدىران (Chaldiran، ھازىرقى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا) جېڭىدە سافى سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانى ئىسمايىل Ⅰ نى يېڭىپ، شەرقىي ئەرمىنىيە ۋە كۇردىستاننى ئىشغال قىلغان. 1516-يىلى 8-ئايدا، ئالېپپو (Aleppo) نىڭ شىمالىي قىسمىدىكى دابىكيو (Dabiq) يايلىقىدا مەملۇكلەر سۇلالىسىنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، سۈرىيە بىلەن پەلەستىننى بويسۇندۇرغان. 1517-يىلى قاھىرەنى ئېلىپ، مەملۇكلەر سۇلالىسىنى مۇنقەرز قىلىپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس شەھىرى مەككە ۋە مەدىنىلەرنى كونترول قىلغان ھەمدە ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خەلىپىسى مۇتاۋاككىل (al Mutawakkil) نى ئىستانبۇلغا ئېلىپ بارغان. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە سۇلتانى ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئالىي دىنىي داھىيسىغا ئايلانغان.

سەلىمⅢ

  • سەلىمⅢ[يەشمىسى:] (Selim Ⅲ، 1761 - 1808)، تۈركىيە سۇلتانى (1789 - 1807). ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئوسمان ئىمپېرىيىسى كۈنسايىن زاۋاللىققا يۈزلەنگەن، ئىمپېرىيىنى كرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، سەلىم Ⅲ «يېڭى تۈزۈم» ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىپ، ھەربىي مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالمىغان فېئودال، ۋەزىرلەرنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرىنى مۇسادىرە قىلىش، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىلىرىنى ياۋروپاچە ئۇسۇلدا تەشكىللەش، ھەربىي قۇرۇلۇش مەكتىپى ئېچىش، مەمۇرىي ئورگانلارنى ئىسلاھ قىلىش، دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى يولغا قويغان. ئەمما بۇ ئىسلاھات دىنىي ۋە دەھرىي فېئوداللار ھەمدە مۇھاپىزەتچى قوشۇننىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1798-يىلى ناپولېئون مىسىرنى بېسىۋالغانلىقى ئۈچۈن فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاققا قاتناشقان. 1806-يىلى روسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 1807-يىلى مۇھاپىزەتچى قوشۇنى سىياسىي ئۆزگىرىش ياساپ، يېڭى تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. شۇ يىلى سۇلتانلىقتىن چۈشۈرۈلگەن. 

سېليوس پادىشاھلىقى

  • سېليوس پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] سۈرىيە پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. غەربىي ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت. مىلادىدىن 312 يىل ئىلگىرى ئالېكساندر (ئىمپېراتور) نىڭ سەردارى سېليوكوس Ⅰ قۇرغان. يۇنانلاشتۇرۇلغان دۆلەتلەر ئىچىدە زېمىنى ئەڭ چوڭ بولغان. مىلادىدىن 301 يىل ئىلگىرى ئىپسوس ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇ دۆلەت غەربتە كىچىك ئاسىيا، سۈرىيىدىن، شەرقتە ئىران ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىغىچە بولغان كەڭ رايونغا ئىگە بولغان. ئورۇنت دەرياسى ۋادىسىدىكى ئانتىيوكىيىنى پايتەخت قىلغان. ئاھالە تەركىبى مۇرەككەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەكشى بولمىغان. ھۆكۈمرانلىرى گرېتسىيە كۆچمەنلىرىنىڭ كۆچۈپ كېلىشىگە ۋە بىر تۈركۈم يېڭى شەھەر قۇرۇشىغا مەدەت بەرگەن. ھوقۇق مەركەزلەشكەن ھۆكۈمرانلىق يولغا قويۇلغان. قارىمىقىدا بىرقانچە مەمۇرىي ئۆلكە تەسىس قىلىنىپ رايونلار بويىچە باشقۇرۇلغان، شەھەرلەرگە ئومۇمەن ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن 284 يىل ئىلگىرى كىچىك ئاسىيادىكى پارگام پادىشاھلىقى سېليوس پادىشاھلىقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يەنى سېليوكوس Ⅱ دەۋرىدە باكتېرىيە ۋە ئارساك (پارفىيە) كەينى-كەينىدىن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ زېمىنى زور دەرىجىدە ئازايغان. ئانتىيۇك Ⅲ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 781 - 322) يەنە بىر قېتىم كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، رىم بىلەن بولغان سۈرىيە ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ زاۋالغا يۈز تۇتقان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىردە ئاتا-بالا ماككايىلار پەلەستىنلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن پەلەستىن مۇستەقىل بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئارساكتىن يېڭىلىپ، ئېفرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى زېمىنىدىن مەھرۇم بولغان. مىلادىدىن ئىلگى-رى Ⅰ ئەسىرگە كەلگەندە پەقەت سۈرىيە ئەتراپىغىلا ئىگە بولغان. مىلادىدىن 64 يىل ئىلگىرى رىم تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان. 

سېليۇكوسⅠ

  • سېليۇكوسⅠ[يەشمىسى:] (Nicator SeleucusⅠ ياكى Nikator SeleukosⅠ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 358 — 280) سىليوس پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 312 - 280) سېليوس خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. ماكېدونىيىدىكى ئاقسۆڭەك ئانتىئوكۇس (Antiochus) نىڭ ئوغلى. ئالېكساندر (ئىمپېراتور) بىلەن بىللە يىراققا يۈرۈش قىلىپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى كۈچلۈك سەردار بولغان. ئالېكساندر ئۆلگەندىن كېيىن(مىلادىدىن 323 يىل ئىلگىرى) بابىلونىيىنىڭ باش ۋالىيسى (مىلادىدىن 321 يىل ئىلگىرى) بولغان. مىلادىدىن 316 يىل ئىلگىرى ئانتىگونۇس يومېنېس (Eumenes) ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئۆزىنى ئالېكساندرنىڭ ۋارىسى دەۋالغاندا، مىسىرغا قېچىپ بېرىپ، ئانتىگونۇسقا بىللە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تولېمىي، كاسساندروس، لەيسىماكوس قاتارلىقلارغا نەسىھەت قىلىپ ۋە ئۇلار بىلەن بىرلەشكەن. مىلادىدىن 312 يىل ئىلگىرى بابىلون رايونىغا بولغان ھۆكۈمرانلىقى تىكلەنگەن. ئادەتتە مۇشۇ يىل سېليوسى پادىشاھلىقى ۋە خاندانلىقىنىڭ باشلىنىشى دەپ ھېسابلانغان (مىلادىدىن 304 يىل ئىلگىرى رەسمىي خان بولغان). ئۇ زېمىنىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ ئىران ئېگىزلىكىنى، شەرقتە ئامو دەرياسى (ئوتتۇرا ئاسىيا) ۋە ھىندى دەرياسىغىچە ئىشغال قىلىۋالغان. ھىندىستان ماۋۇرۇيا خاندانلىقىدىكى چاندراگۇپتا بىلەن ئۇرۇش قىلغان. كېيىن ئىككى تەرەپ سۈلھ تۈزۈشكەن. (مېگاستېنېس ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن). مىلادىدىن 301 يىل ئىلگىرى ئىپسوس ئۇرۇشىدا تولېمىي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئانتىگونۇسنى ئۈزۈل-كېسىل يېڭىپ (جەڭدە ئۆلگەن)، يەنە سۈرىيە ۋە كىچىك ئاسىيانىڭ بىر قىسىم زېمىنىغا ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن «يۇنانلاشتۇرۇلغان» ئۈچ چوڭ دۆلەت (تولېمىي، مىسىر، ماكېدونىيە ۋە سېليوس) ئىچىدە زېمىنى ئەڭ كەڭرى بولۇپ قالغان. ئورۇنت دەريا ۋادىسىدىكى ئانتىئوكىيە پايتەخت قىلىنغان. دۆلەت تۇپرىقى بەك كەڭ بولۇپ باشقۇرالماي قالغان، ئاھالە تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان. مىلادىدىن 293 يىل ئىلگىرى ئوغلى ئانتىيوكىغا «شاھ» دەپ نام بەرگەن. ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا بىر قىسىم رايوننى بۆلۈپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە «يۇنانلاشتۇرۇلغان» باشقا دۆلەتلەر بىلەن خوجىلىق تالاشقان. ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇستەملىكىلەرنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، گرېكلەر ۋە ماكېدونىيىلىكلەرنى كۆچۈرۈپ، شەھەر سودا-سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان؛ گرېتسىيىنىڭ تىل-مەدەنىيىتىمۇ شەرققە تارقىتىلىپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ سودا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىغا تۈرتكە بولغان. مىلادىدىن 281 يىل ئىلگىرى، كورۇپېدىئون (Corupedion، كىچىك ئاسىيا) دا لەيسىماكوسنى مەغلۇپ قىلغان ۋە ئۆلتۈرگەن، ماكېدونىيىگە قارشى يۈرۈش قىلماقچى بولغاندا، مۇھاپىزەتچى كىراۋنۇس (Ptolemy Ceraunus) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 

سېماراڭ

  • سېماراڭ[يەشمىسى:] ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ئوتتۇرا ياۋانىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان، سودا ئىشلىرى تەرەققىي تاپقان. ⅩⅦ ئەسىردە، گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 1674-يىلى مادۇرا ئارىلىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن، 1676-يىلى قوزغىلاڭچى ئارمىيە ياۋاغا بېسىپ كىرىپ، سېماراڭدا تۇرۇشلۇق گوللاندىيە ئارمىيىسىنى قوغلاپ چىقارغان. تەخمىنەن 1748-يىللىرىدا سېماراڭ ئاخىرى گوللاندىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان.

سېمپلې

  • سېمپلې[يەشمىسى:] (Ellen Churchill Semple، 1863 — 1932) ئامېرىكىلىق ئايال جۇغراپىيون. كېنتۇككىي شتاتىدا تۇغۇلغان. 1882-يىلى ۋائاسا شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن گېرمانىيىگە بېرىپ لېيپسىگ داشۆسىدە بىلىم ئاشۇرغان. ئۇ لاسېردىن ياخشى تەسىر ئېلىپ، جۇغراپىيىلىك مۇھىتنىڭ ئىنسانلارنىڭ بەدەن ساغلاملىقى، مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە دۆلەت تارىخىغا بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىپ، جۇغراپىيىلىك مۇھىت بەلگىلەيدۇ نەزەرىيىسىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. 1906 — 1923-يىللاردا چىكاگو داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1921 — 1932- يىللاردا كراك داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ياشاش ئۈچۈن رىقابەتلىشىش ماكان تالىشىشتىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ جاكارلاپ، لاسېرنىڭ دۆلەت ئورگانىزمى نۇقتىئىنەزەرىنى تارقاتقان. بۇ خىل نۇقتىئىنەزەر ئامېرىكا ئىنسانىيەت جۇغراپىيىسى سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرى «ئامېرىكىنىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيىلىك شارائىتى»، «جۇغراپىيىلىك مۇھىتنىڭ تەسىرى»، «ئوتتۇرا دېڭىز رايونىنىڭ جۇغراپىيىسى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

سېمېنس شىركىتى

  • سېمېنس شىركىتى[يەشمىسى:] فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېلېكترون سانائىتى مونوپول تەشكىلاتى. سېمېنس كونىسېرىنىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى. ۋېرنېرۋون سېمېنس (Wernervon Siemens، 1816— 1892) ئاساس سالغان. 1847-يىلى سېمېنس بېرلىندا سېمېنس خاللىسكو سودا سارىيىنى ئاچقان، كېيىن بۇ ساراي گېرمانىيىنىڭ ئاساسلىق ئېلېكترون ۋە ئېلېكتر ئەسۋابلىرى ئۈسكۈنىلىرى ياساش كارخانىسىغا ئايلانغان. 1897-يىلى شىركەتكە ئۆزگەرتىلگەن، 1966-يىلى ھازىرقى نام قويۇلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ئەنگلىيە، روسىيە، ئاۋسترىيە، ياپونىيە، فرانسىيە ۋە ئىسپانىيىدە تارماق ئورگانلىرى قۇرۇلغان. 1941-يىلى گېرمانىيە ئۇنىۋېرسال ئېلېكتر ئەسۋابلىرى شىركىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈشۈپ، بازارنى بۆلۈشۈۋېلىپ، پۈتۈن گېرمانىيە ئېلېكتر ئەسۋابلىرى سانائىتىدە ئىككى دوكانىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، «مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى» نى ئۇيۇشتۇرۇپ، بومباردىمانچى ئايروپىلان، رادىئو يۆنىلىشلىك ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق فرانكو (Franco) غا ياردەم بەرگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئايروپىلان، سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدا ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكتر ئەسۋابلىرى ئۈسكۈنىلىرى ۋە تارقىتىش ئەسلىھەلىرىنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىپ، فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئۈچۈن پائال خىزمەت قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، ھەربىي قورال-ياراق ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئاتوم قوراللىرىنى ياساپ، فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ تۇنجى ئاتوم قازىنىنى قۇرۇپ چىقىپ، گېرمانىيە ئۇنىۋېرسال ئېلېكتر ئەسۋابلىرى سانائىتى تارمىقىنى كونترول قىلغان. مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۆپلىگەن مەبلىغى ۋە 100 دىن ئارتۇق تارماق شىركىتى بولۇپ، كەسپى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرگە تارقالغان. گېرمانىيە بانكىسى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە مونوپول مالىيە گۇرۇھىنى تەشكىللىگەن. باش شىركىتى ميۇنخېن ۋە غەربىي بېرلىندا ئايرىم-ئايرىم تەسىس قىلىنغان.

سېمىستوكلى گرمېلى

  • سېمىستوكلى گرمېلى[يەشمىسى:] (Semistokli Grmeli، 1867 — 1917) ئالبانىيىلىك ۋەتەنپەرۋەر. كورچا ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسىي رەھبىرى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، قوراللىق قىسىملارغا رەھبەرلىك قىلىپ، گرېتسىيە گۇماشتىسىغا قارشى كۈرەش قىلغان. 1916-يىلى 12-ئايدا، فرانسىيە ئىشغالىيەتچى قوشۇنى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاشقا قاتناشقان. كېلىشىمگە بىنائەن، كورچا (Korcē)، بىلىشىت (Bilisht) ۋە كولونىيە (Kolonije) رايونلىرىدا ئاپتونومىيە يولغا قويۇلغان، ھاكىمىيەت ئالبانىيىلىكلەرگە ئۆت-كۈزۈپ بېرىلگەن. 1917-يىلى 6-ئايدا فرانسىيە ئىشغالىيەتچى قوشۇنى كېلىشىمگە بۇزغۇنچىلىق قىلغاندا ئۆلتۈرۈلگەن.

سېنات

  • سېنات[يەشمىسى:] (1) قەدىمكى رىم دۆلىتىنىڭ مۇھىم ھوقۇق ئورگىنى «خانلىق ھۆكۈمرانلىق دەۋرى» (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە) دىن باشلانغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئەزالىرى دەسلەپ 100 كىشى بولۇپ، كېيىن 300 كىشىگە كۆپىيىپ، قەبىلە ئاقساقاللىرىدىن تەشكىل تاپقان. ئۇلار «خان» نىڭ مەسلىھەتچىلىرى ۋە ئەنئەنىنىڭ ھىمايىچىلىرى بولۇپ، كۇرىيە قۇرۇلتىيىنىڭ قارارلىرى ئۇنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن كۈچكە ئىگە بولغان. رىم جۇمھۇرىيىتى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە) قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھوقۇق كۈچىگە ئىگە ئاقسۆڭەكلەر ۋە ۋەزىپىسىدىن قالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار (ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى مەنسەپدارلار) دىن تەشكىل تاپقان. ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى (ئالبومىنى) دەسلەپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ئەمەلدارلار تۈزگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ سېنزور (باش مۇپەتتىش) تەرىپىدىن تۈزۈلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن باشلاپ پۇقرالار (ئەمەلىيەتتە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ئەمەللەرنى ۋە باشقا يۇقىرى مەنسەپلەرنى ئۆتىيەلەيدىغان، سېناتقىمۇ قاتنىشالايدىغان بولغان. سېنات ئۇرۇش ئېلان قىلىش، سۈلھ تۈزۈش، دۆلەت ئامانلىقى، ئەسكەر قوبۇل قىلىپ قوشۇن تۈزۈش، مالىيە ئاتچوتى، قانۇن-پەرمانلارنى تەستىقلاش، ئەدلىيە-ھۆكۈم ۋە دۆلەت تۇرمۇشىنى نازارەت قىلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىچكى ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە ئالىي ھوقۇقىنى باشقۇرغان. ئۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ مەركىزىي رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە ئەڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنى بولۇپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئەنئەنىسىنىڭ ۋەكىلى ھەم ھىمايىچىسى. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى مۇستەبىتلەر (مەسىلەن: سولون)، دائىم سېناتنى كونترول قىلىۋېلىش ئارقىلىق ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن. رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن مىلادى Ⅴ ئەسىرگىچە) ئىمپېراتورنىڭ ھۆكۈمرانلىقى سېناتنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن. ھەرقايسى مەمۇرىي ئۆلكىلەرنىڭ ھوقۇقلۇق ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قاتنىشىشىغا ئەگىشىپ سېناتنىڭ مۇھىملىقىمۇ تەدرىجىي يوقىلىپ كەتكەن. (2) ⅩⅥ ئەسىردە فېئوداللىق تۈزۈمدىكى پولشا دۆلىتى تەسىس قىلغان دۆلەت مەجلىسىنىڭ يۇقىرى پالاتاسىنىڭ ئىسمى. ئاقسۆڭەك بيۇروكراتلار ۋە چېركاۋنىڭ يۇقىرى قاتلام ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن، پادىشاھ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئىچكى-تاشقى سىياسەت قاتارلىق مۇھىم ئىشلارنى بەلگىلەيدىغان دائىمىي ئورگان. (3) يەنە بىر مەنىسى — ھۆكۈمەت پالاتاسى، 1711-يىلى روسىيىدە پېتېرⅠ تەسىس قىلغان، بارا-بارا ئۆزگىرىپ چار پادىشاھنىڭ ئىلكىدىكى ئەڭ ئالىي بيۇروكرات ئورگانغا ئايلىنىپ كەتكەن. ⅪⅩ ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، ئەڭ ئالىي ئەدلىيە ئورگىنىغا ئۆزگەرتىلگەن. ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. (4) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن كېيىن تەسىس قىلىنغان، قانۇن چىقىرىش، قانۇن لايىھىلىرىنى تەستىقلاش ياكى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق ھوقۇقلارغا ئىگە ئورگان. (5) 1871— 1891 -يىللاردىكى ياپونىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش، مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى. 

سېناناياك

  • سېناناياك[يەشمىسى:] (Don Stephen Senanayake، 1884 — 1952).سەيلون (ھازىرقى سېرىلانكا) دومىنىئوننىڭ تۇنجى زۇڭلىسى. چوڭ ئېكىنزارلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى. كولومبودا تۇغۇلغان. كولومبودىكى ئەنگلىيە چېركاۋىنىڭ سان توماس شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1922-يىلى سەيلون قانۇن چىقىرىش كېڭىشىگە كىرگەن، 1927-يىلى مەمۇرىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان. 1931-يىلدىن باشلاپ 15 يىلدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ۋە يەر مىنىستىرى بولغان. 1946-يىلى بىرلەشكەن گومىنداڭ پارتىيىسىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭغا رەئىس بولغان. بىرلەشكەن گومىنداڭ پارتىيىسى 1947-يىلى 8-، 9-ئايلاردىكى چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت زۇڭلىسى بولغان. سەيلون 1948-يىلى 2-ئايدا دومىنىئونلۇق ئورنىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، زۇڭلىلىقنى داۋاملىق ئۆتىگەن ھەمدە قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان، 1951-يىلى يەنە سەھىيە ۋە يەرلىك مەمۇرىيەت مىنىسترلىكىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. ئىككىنچى يىلى ئاتتىن يىقىلىپ، ئېغىر زەخىملىنىپ ۋاپات بولغان.

سېنتۇرىلار قۇرۇلتىيى

  • سېنتۇرىلار قۇرۇلتىيى[يەشمىسى:] قەدىمكى رىم پۇقرالار قۇرۇلتىيىنىڭ بىرى. يەنى «سېنتۇرىيە يىغىنى» (Centuria).

سېنتۇرىيە يىغىنى

  • سېنتۇرىيە يىغىنى[يەشمىسى:] يەنى «يۈز كىشىلىك ئۆمەك يىغىنى». قەدىمكى رىمدىكى گراژدانلار يىغىنلىرىنىڭ بىرى. ئەنئەنىۋى قاراش بويىچە مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى سېرۋىئۇس تۇللىئۇس ئىسلاھاتى مەزگىلىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەربىي ئېھتىياج بويىچە جەمئىي 193 سېنتۇرىيە (Centuria، يۈز كىشىلىك ئۆمەك) قۇرۇلۇپ، گراژدانلار مال-مۈلۈك سالاھىيىتى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا رىتسارلار، بەش تەبىقە ۋە دەرىجە سىرتىدىكى يوقسۇللار (پرولېتارىيات) غا بۆلۈنگەن، ھەرقايسى تەبىقىلەردىن ئوخشاش بولمىغان ساندىكى يۈز كىشىلىك سېنتورىيىلەرنىڭ قاتنىشىشى بەلگىلىنىپ، رىتسار تەبىقىسىدىن 18 سېنتورىيە، بىرىنچى تەبىقىدىن 80 سېنتورىيە، ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى تەبىقىلەرنىڭ ھەرقايسىسىدىن 20 سېنتورىيە، بەشىنچى تەبىقىدىن 30 سېنتورىيە، دەرىجە سىرتىدىكىلەردىن بەش سېنتورىيە (قول سانائەتچىلەردىن ئىككى سېنتورىيە، كانايچى ۋە دۇمباقچىلاردىن ئىككى سېنتورىيە، پرولېتارلاردىن بىر ئۆمەك). جەمئىي 193 سېنتورىيە بولغان. قارار ماقۇللىغان چاغدا ھەربىر سېنتۇرىيە بىرلا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، رىتسارلار ۋە بىرىنچى تەبىقىدىكى بايلار ئۇنىڭدا مۇتلەق كۆپ سانلىق (98 سېنتورىيە) ئورۇننى تۇتقان. بۇ يىغىن دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا، مەسىلەن: قانۇن، ئەمىر-پەرمانلارنى ماقۇللاش، ئۇرۇش ۋە تىنچلىقنى بەلگىلەش، كونسۇللارنى سايلاش قاتارلىقلارغا ھوقۇقلۇق بولغان؛ رىم جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ھەربىي ھەرىكەتلەردە مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. سېنتۇرىيە يىغىنى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى كۇرىيە يىغىنى (چوڭ ئۇرۇق يىغىنى) تەدرىجىي ھالدا ئۆز رولىنى يوقاتقان. مىلادىدىن 230 يىل ئىلگىرى، (تەخمىنەن گائىئۇس فلامىنىئۇس ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان چاغدا، يەنە بىر ئېيتىلىشىچە مىلادىدىن 241 يىل ئىلگىرى سېنزور كېتا بىلەن بۇتىئو يولغا قويغان) سېنتۇرىيە يىغىنى بىر قېتىم ئىسلاھ قىلىنغان، ئېيتىلىشىچە شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى تەبىقىلەرنىڭ يىغىندىكى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى ئاساسەن تەڭ-باراۋەر بولغان، جەمئىي 373 سېنتۇرىيە بولۇپ، بىرىنچى تەبىقە ئۇنىڭ ئىچىدىن پەقەت 88 نىلا ئىگىلەپ، ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولمىغان. قارىلىشىچە، بۇ پۇقرالار كۈچىنىڭ ئاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.

سېنت ۋىنسېنت دېڭىز تۇمشۇقى ئۇرۇشى

  • سېنت ۋىنسېنت دېڭىز تۇمشۇقى ئۇرۇشى[يەشمىسى:] 1797-يىلى ئەنگلىيە بىلەن ئىسپانىيە فلوتلىرىنىڭ پورتۇگالىيىنىڭ سېنت ۋىنسېنت تۇمشۇقى (Capesaintvincent) يېنىدا قىلغان ئۇرۇشى. 1796-يىلى فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە «ھۇ- جۇم-مۇداپىئە ئىتتىپاقى» تۈزگەن. ئىككىنچى يىلى 2 -ئاينىڭ 14-كۈنى، ئىسپانىيىنىڭ 27 چوڭ ھەربىي كېمىسى دېڭىز ئارقىلىق كارس پورتىغا قايتىپ كېلىشىدە سېنت ۋىنسېنت تۇمشۇقىدىن ئۆتكەن، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى جېرۋس (John Jervis،1735 — 1823) 15 چوڭ ھەربىي كېمىنى باشلاپ ئالدىغا چىقىپ، ئىسپانىيە فلوتىنى مەغلۇپ قىلىپ، تۆت چوڭ ھەربىي كېمىنى ئولجا ئالغان. بۇ قېتىمقى دېڭىز ئۇرۇشى ئەنگلىيىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزغا قايتا كىرىشى (فرانسىيىنىڭ ئىتالىيىدىكى غەلىبىسى ئەنگلىيىنى ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان) ئۈچۈن يول ئاچقان. جېرۋىس ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، سېنت ۋىنسېنتنىڭ ماركىزلىقىغا تەيىنلەنگەن.

سېن رىكيۇ

  • سېن رىكيۇ[يەشمىسى:] (1522—1591) يايونىيە ئازۇچى موموياما دەۋرىدىكى چايچى، ياپون چايچىلىرىنىڭ پىرى. ئوفۇساكايدىكى باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى تاناكايوشرو، كېيىن ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن. تەخەللۇسى زاھىت رىكيو. چاي دەملەشنى تاكىنوشاۋئاۋ (1502 — 1555) دىن ئۆگەنگەن. دادې ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ ئېتىكاپتا ئولتۇرغان. ئىلگىرى ئوتانوبۇئاگانى چاي بىلەن كۈتۈۋالغان. يەنە تويۇتا خىدېكىچىنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان، بۇيرۇققا بىنائەن چاي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ ئىجاد قىلغان يەرلىك چايخانا بىر مەھەل ئومۇملىشىپ كەتكەن. 1590-يىلى (تيەنجىڭ 18-يىلى) تويۇتا خىدېكىچىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانلىقتىن ئىككىنچى يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بياۋچيەنجا، لىچيەنجا (چايچىلارنىڭ ئومۇمىي نامى) قاتارلىق ئېقىملارغا بۆلۈنۈپ، تا ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلمەكتە.

سېن-سىمون

  • سېن-سىمون[يەشمىسى:] (Comte, de Claude Henri de Rouvroy Saint Simon،1760— 1825) فرانسىيىلىك خىيالىي سوتسىيالىزمچى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1783-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. 1789-يىلى ئىنقىلاب پارتلىغاندا، ئىنقىلابنى قوللاپ، ئاقسۆڭەكلىك ئۇنۋانىدىن ۋاز كەچكەن. كېيىن سىياسىي كۈرەشتىن ئايرىلىپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ، جەمئىيەت تەرەققىياتى قانۇنىيەتلىك بولىدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئۆتمۈشتە ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىدە؛ ھەر بىر دەۋرنىڭ بىلىم سەۋىيىسى شۇ دەۋرنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى بەلگىلەيدۇ؛ قۇللۇق تۈزۈمى، ئىلاھىيەت-فېئوداللىق تۈزۈمى ۋە ھازىرقى ئۆتكۈنچى دەۋرنىڭ ھەرقاندىقى ۋاقىتلىق، بۇلارنىڭ ئورنىنى ھامان ئەقىلغا مۇۋاپىق بولغان سودا-سانائەت تۈزۈمى ئىگىلەيدۇ؛ كەلگۈسىدى-كى سودا-سانائەت تۈزۈمى شارائىتىدا خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك يوقىتىلمايدۇ، ئىجتىمائىي تەڭسىزلىك ھادىسىلىرىمۇ تولۇق بىكار قىلىنمايدۇ، بەلكى دۆلەت ئىشلەپچىقىرىشنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ پىلانلىق ھەمكارلىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، جىسمانىي ۋە ئەقلىي ئەمگەك مەجبۇرىيەت تۈزۈمى ھەمدە ئىقتىدار دەرىجە تۈزۈمىنى يۈرگۈزۈپ، ئادەمنى باشقۇرۇشنى نەرسىنى باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىپ، ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان سىنىپنىڭ ئەڭ زور مەنپەئىتىنى كۆزلەيدۇ، دەپ قارىغان. جەمئىيەت ئىسلاھاتىنى ئاممىۋى زورلۇق كۈچ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، سودا-سانائەتچىلەر پارتىيىسىنى تەشكىللەپ، يېڭى تۈزۈمنى تىنچلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك دەپ قارىغان ھەمدە ھەر خىل ئەقىدە ۋە دىنىي قائىدە-يوسۇنلارنى ساقلاپ قالغان يېڭى خرىستىئان دىنىنى تەشۋىق قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «جەنۋەلىك بىر كىشىنىڭ ھازىرقى زامان ئادەملىرىگە يازغان خېتى»، «سودا-سانائەت تۈزۈمى ھەققىدە»، «يېڭى خرىستىئان دىنى» قاتارلىقلار بار. بۇلار كېيىن 47 توملۇق «سېن -سىمون ۋە ئالفانتىن ئەسەرلىرى» گە كىرگۈزۈلگەن.

سېنسىمېنتو

  • سېنسىمېنتو[يەشمىسى:] ئىتالىيانچە Censimento نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئەسلى مەنىسى «باج-سېلىق». ⅩⅧ ئەسىردە ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى لومباردىيە رايونىدا يولغا قويۇلغان بىر خىل مۇقىم يەر بېجى. باج سوممىسى ئۆزگىرىشچان بولغانلىقتىن، بۇ رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق بولغان.

سېنكىيېۋىچ

  • سېنكىيېۋىچ[يەشمىسى:] (Henryk Sienkiewicz، 1846 — 1916) پولشالىق يازغۇچى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ۋارشاۋا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. گېزىت-ژۇرناللارنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 1876 — 1878-يىللىرى ئامېرىكىنى ساياھەت قىلغان. دۆلىتىگە قايتاشىدا ئىتالىيە بىلەن فرانسىيىگە بارغان، ئامېرىكا بۇرژۇئازىيىسىنىڭ «دېموكراتىيە» سىنى ھەم پولشا مۇساپىرلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى چۈشەنگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرى پولشانىڭ مۇستەقىللىكى ۋە خەلقئارا كرېست تەشكىلاتى ئۈچۈن پائال خىزمەت قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئوت ۋە قىلىچ»، «شىددەتلىك كەلكۈن»، «ۋوئودىيۇۋىسكى ئەپەندى»، «سەپەر قايان» ۋە «ئەھلىسەلىپ رىتسارلىرى» قاتارلىقلار بار. 1905-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

سېن ئوئۇۋەي (مورىكامومېتو)

  • سېن ئوئۇۋەي (مورىكامومېتو)[يەشمىسى:] (1862 — 1922) ياپونىيىلىك يازغۇچى، دراماتورگ، ئوبزورچى، تەرجىمان، ھەربىي دوختور. توكيو داشۆسىنىڭ مېدىتسىنا بۆلۈمىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن گېرمانىيىگە بېرىپ ئوقۇغان. دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي دوختورلۇق باش نازارەتچىسى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتى تىببىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، خان سارىيى مۇزېيىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا تەرجىمە قىلىش ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، گيۇتې، لېسسنگ، ئىبسېن قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان ھەمدە «ئۇسسۇلچى قىز» دېگەن ھېكايىنى، «ياشلار» دېگەن روماننى يازغان. يەنە نۇرغۇنلىغان تارىخىي ھېكايىلەر ۋە تارىخىي تەزكىرىلەرنى ئېلان قىلغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىملىرى «ئوڭ ئىشىكئاغىسى ئوكتىسونىڭ ۋەسىيەتنامىسى»، «ئابۇنىڭ ئائىلىسى» «ئوخىكونو»، «دوختۇر سەنشۇ»، «شىبوئې»، «<تاكاسې> ناملىق كېمە» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كېيىن 38 توملۇق «مورىكامومېتو ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

سېنېكا

  • سېنېكا[يەشمىسى:] (Lucius Annaes Seneca، تەخمىنەن مىلادىدىن 4 يىل ئىلگىرى — مىلادى 65-يىلى) قەدىمكى رىم پەيلاسوپى. يېڭى سىتوئىكچىلارنىڭ ۋەكىلى. ئىسپانىيىنىڭ كوردوۋا (Cordova) دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئاتىسى باي رىتسار ۋە ستىلىستىكا ئالىمى، ئاپىسى مەشھۇر ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا رىمغا بېرىپ ستىلىستىكا ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن. ئىمپېراتوركالىگۇلا تەختتە تۇرغان چاغدا مالىيە ئەمەلدارى بولغان. ئىمپېراتور كىلائودىئۇس دەۋرىدە، كورسىكا ئارىلىغا (مىلادى 41-يىلى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئالدىنقى خانىكىنىڭ چىشىغا تەگكەنمىش) سۈرگۈن قىلىنغان، مىلادى 49-يىلى يېڭى خانىكە كىچىك ئاگرىپپىنانىڭ تەلىپى بويىچە قايتۇرۇپ كېلىنىپ، ئوغلى نېروغا ئۇستاز بولغان، نېرو تەختكە چىققاندىن كېيىن (مىلادى 54-يىلى) كونسۇل بولغان. نۇرغۇن مال-مۈلۈككە ئىگە بولغان ھەم نېرونىڭ ئىشەنچسىگە ئېرىشكەن، نېرو رەھىمسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆز بېشىدىن ئەندىشە قىلىپ، بىر مەھەل ئۆزىنى دال-دىغا ئالغان، ئاخىر پىسو (Calpurnius Piso.G) نىڭ سۇيىقەستلىك دېلوسى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ گۇمان قىلىنىپ، نېرو ئۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا بۇيرۇغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ تەمكىن ھالدا ئۆز قان تومۇرىنى كېسىۋەتكەن. ئۇ ئۆزىنى سىتوئىكچىلارنىڭ مۇرىتى دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، ئىبىجوروچىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئەخلاقىي پەلسەپىسىگە دائىر نۇرغۇن قىسقا ئوبزورلارنى يازغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى «غەزەپ ھەققىدە»، «رەھىمدىللىك ھەققىدە»، «روھىي خاتىرجەملىك ھەققىدە»، «بىكارچىلىق ھەققىدە»، «بەختلىك ھايات ھەققىدە» قاتارلىقلار ۋە «لوچىليوغا ئەۋەتكەن خەت-چەكلەر»، «ئەخلاق ھەققىدىكى خەت-چەكلەر» دىن يۈز نەچچە پارچە بار. دىنىي مىستېت-ىزم ۋە تەقدىرچىلىكنى تەرغىپ قىلغان. ھايات ئۆلۈمنىڭ تەييارلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، پەلسەپىنىڭ ۋەزىپىسى — كىشىنى روھىي جەھەتتىن مۇستەقىللىككە ۋە تىنچلىققا (تەسىرلەنمەسلىك) ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. پېشانىسىدىن كۆرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش — بىر خىل گۈزەل ئەخلاقتۇر، دەپ ھېسابلىغان. بۇ دۇنيادىكى تۇرمۇش—خىيالىي چۈش، جىسىم— روھنىڭ يۈكى (كىشەنى) دېگەننى تەرغىپ قىلىپ، ھەممە ئادەم (جۈملىدىن قۇللار) باراۋەر بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ئىدىيىسى دەسلەپكى مەزگىلدىكى خرىستىئان دىنىغا مەلۇم تەسىر كۆرسەتكەن. لېكىن بۇ خىلدىكى ۋەزلەر ئۇنىڭ ئاقسۆڭەكلىك تۇرمۇشى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغان. توققۇز خىل تراگېدىيە (بەزىلەر ساختا ئەسەر دەپ گۇمانلىنىدۇ) ساقلانغان. مەسىلەن، «ئاگامېمنون»، «ئىدىپوس»، «مېيدىيا» قاتارلىق. سۇژىت جەھەتتىن قارىغاندا يۇنان دراماتورگلىرىغا تەقلىد قىلىنغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ سىئوئىكچىلىق ئەخلاق قارىشىنى تەرغىپ قىلغان.

سېئول شەرتنامىسى

  • سېئول شەرتنامىسى[يەشمىسى:] ياپونىيە چاۋشيەننى مەجبۇرلاپ ئىمزالىغان شەرتنامە. 1884-يىلى 12-ئايدا جياشېن سىياسىي ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ياپونىيە ئىنوئۇيې كائورۇنى تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچى قىلىپ تەيىنلەپ، زور قوشۇن بىلەن چاۋشيەنگە «جىنايەت سۈرۈشتە قىلىشقا» ئەۋەتكەن، چاۋشيەنگە تەھدىت سېلىپ 1885-يىل 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، سېئولدا مەزكۇر شەرتنامىنى تۈزگەن. شەرتنامىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: چاۋشيەن ياپونىيىدىن «كەچۈرۈم سوراش»، 110 مىڭ يىن تۆلەم تۆلەش؛ قاتىللارنى جازالاش؛ ياپونىيە ئەلچىخانىسىنىڭ قايتا قۇرۇلۇش خىراجىتى ئۈچۈن 20 مىڭ يىن بېرىش؛ ياپونىيە ئەلچىخانا مۇھاپىزەتچىلىرى ئەترىتىنىڭ گازارما قۇرۇش ھوقۇقى بولۇشىنى ئېتىراپ قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

سېۋاستوپول قوزغىلىڭى

  • سېۋاستوپول قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] روسىيىنىڭ 1905-يىلدىكى ئىنقىلابى مەزگىلىدە قارا دېڭىز فىلوتىدىكى ماتروسلارنىڭ قوزغىلىڭى. 1905-يىل 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، بولشېۋىكلارنىڭ سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن، سېۋاستوپول (قارا دېڭىز فىلوتى بازىسى) دىكى 12 ھەربىي پاراخوتنىڭ ماتروسلىرى قورولدىكى ئەسكەرلەر ۋە پورت ئىشچىلىرى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىگە قارشى بىرلىشىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ماتروسلار، ئەسكەرلەر ۋە ئىشچىلار ۋەكىللىرى سوۋېتىنى قۇرغان ھەمدە ھەربىر ھەربىي پاراخوتتا كومىتېت قۇرغان؛ جۇمھۇرىيەت قۇرۇش، سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتىنى قىسقارتىش قاتارلىق سىياسىي تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىر تۇتاش رەھبەرلىك ۋە ئوچۇق ھەرىكەت پىلانى بولمىغاچقا، قوزغىلاڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. قوزغىلاڭنىڭ رەھبىرى شمىد (Щмидт.П.П، 1867 — 1906) قاتارلىق كىشىلەر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. بىرقانچە يۈز كىشى سۈرگۈن قىلىنغان ۋە ئېغىر ئىشقا سېلىنغان.

سېۋاستوپول مۇداپىئە ئۇرۇشى

  • سېۋاستوپول مۇداپىئە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] قىرىم ئۇرۇشى مەزگىلىدە روسىيىنىڭ سېۋاستوپولدىكى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئەنگلىيە، فرانسىيە، تۈركىيە ۋە ساردىنىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قارشى ئېلىپ بارغان جەڭ. 1854-يىل 9-ئاينىڭ 25-كۈنى بىرلەشمە ئارمىيە قۇرۇقلۇقتىن قورشىۋالغان. روسىيە ئارمىيىسى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى كورىنكوۋ ۋە ناسموۋنىڭ رەھبەرلىكىدە پاراخوتنى چۆكتۈرۈپ دېڭىز ئاغزىنى قامال قىلىپ، قورغان-ئاكوپلارنى ياساپ، ئۆز پوزىتسىيىسىنى مەھكەم ساقلاپ تۇرغان. 1855-يىل 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، بىرلەشمە ئارمىيە قورولنى ئالغان. روسىيە قوشۇنىدىن ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار 100 مىڭدىن كۆپرەككە يەتكەن. بىرلەشمە ئارمىيىدىن 71 مىڭ كىشى چىقىم بولغان. بۇ قېتىمقى جەڭ روسىيە ئارمىيىسىنىڭ قىرىم ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيىتىنى بەلگىلىگەن. 

سېۋېرۇس

  • سېۋېرۇس[يەشمىسى:] (Lucius Septimius Severus، مىلادى 146 — 211) قەدىمكى رىم پادىشاھى (193 — 211). سېۋېرۇس خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. شىمالىي ئافرىقىدىكى لېپتى (Leptis) دېگەن جايدا تۇغۇلغان. ماركوس ئاۋرېليوس ۋە كانماۋدتىن ئىبارەت ئىككى پادىشاھنىڭ قول ئاستىدا قوشۇنلارغا قوماندانلىق قىلغان. پانتونىيە ۋە ئىللىرىيە مەمۇرىي ئۆلكىلىرىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، قول ئاستىدىكىلەر تەرىپىدىن پادىشاھ قىلىپ تۇرغۇزۇلغان (193-يىلى). رىم شەھىرىگە كىرگەندىن كېيىن قارشى كۈچلەرنى كەينى-كەينىدىن يوقاتقان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىپ، مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى ئوفىتسېرلىرىنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتكەن. يېڭى جۈنتۇەن قۇرغان. ھەربىي تەمىناتنى كۆپەيتىپ بەرگەن؛ رىتسارلار تەبىقىسىدىكىلەرنى ئۆستۈرۈپ، ئوفىتسېرلىققا، قوشۇمچە مەمۇرىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن، سىناتنىڭ ھوقۇقىنى چەكلىگەن. باجنى كۆپەيتىپ، مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھوقۇقنى كۈچەيتكەن. مىلادى 194-يىلى شەرقتە شەرقىي جۈنتۇەن تىكلىگەن پادىشاھ نېگىر (Pescennius Niger) نى مەغلۇپ قىلغان. 195-يىلى شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ئېفرات دەرياسىدىن ئۆتكەن. ئىككىنچى يىلى رىمغا قايتقان. كېيىن يەنە گاللىيە(بۈگۈنكى فرانسىيە) رايونىدىكى قارشى تۇرغۇچى ئالبىنىئۇس (Albinius) قا ھۇجۇم قىلىپ، غەلىبە قازانغان (197-يىلى). يەنە شەرققە يۈرۈش قىلىپ پارفىيە (ئارساك) گە ھۇجۇم قىلىپ، مېسوپوتامىيە ۋادىسىنى تازىلاپ كېتىسفوننى ئىشغال قىلىۋالغان. پەلەستىن، مىسىر ئارقىلىق رىمغا قايتىپ بارغان (202-يىلى). ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئىككى ئوغلىنى (كاراكارا ۋە گەنت) باشلاپ، برىتانىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، كالېدونىيىلىكلەرگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ نەتىجە چىقىرالمىغان. ئېبوراكۇم (بۈگۈنكى يورك) دا ئۆلگەن.

سېۋرېس شەرتنامىسى

  • سېۋرېس شەرتنامىسى[يەشمىسى:] 1920-يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، تۈركىيە ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىنىڭ يېنىدىكى سېۋرېستا (Sevres) ئىمزالىغان شەرتنامە. شەرتنامە بويىچە، تۈركىيە گرېتسىيىگە شەرقىي فراكىيە، ئىمروز ۋە تېنېدوس ئاراللىرى ھەم ئىزمىر (بۇرۇن سىمىرنا دەپ ئاتالغان) نى ئۆتۈنۈپ بەرگەن. سۈرىيە، ئىراق، پەلەستىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئەرمەنىستاندىكى بارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. ئىتالىيىگە ئېگېي دېڭىزىدىكى 12 ئارال ۋە كاستېللورىزون ئارىلىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن. لىۋىيە ۋە مىسىرغا بولغان ھۆكۈمرانلىقنى بىكار قىلغان. سېپروسنىڭ ئەنگلىيىگە قارايدىغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان. قارا دېڭىز بوغىزى رايونىنى چوڭ دۆلەتلەر (ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە)،گرېتسىيە، بۇلغارىيە، رومىنىيە ۋە تۈركىيە ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان كومىتېت باشقۇرىدىغان، بوغۇز رايونى ئەركىن بىتەرەپ رايون بولىدىغان بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە تۆۋەندىكى كېلىشىملەر ئىمزالانغان: (1)ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيىنىڭ تۈركىيىدە تەسىر دائىرىسىنى ئايرىشى توغرىسىدىكى كېلىشىم. (2) گرېتسىيە، ئىتالىيىنىڭ گرېتسىيىگە 12 ئارالنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، رودئايلېند ئارىلىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ۋە 15 يىلدىن كېيىن پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشىنى يولغا قويۇشى توغرىسىدىكى كېلىشىم. (3) گرېتسىيە بىلەن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ گرېتسىيىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش توغرىسىدىكى كېلىشىم. (4) ئەرمەنىستان بىلەن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئەرمەنىستاندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش توغرىسىدىكى كېلىشىم . (5) گرېتسىيە بىلەن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بۇلغارىيە بۆلۈپ بەرگەن غەربىي فراكىيىنى گرېتسىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىش توغرىسىدىكى كېلىشىم. شەرتنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن، تۈركىيە خەلقىنىڭ قارشى تۇرغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىجرا قىلىنمىغان. كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا «لۇزاننا شەرتنامىسى» دەسسىتىلگەن.

سېيېس

  • سېيېس[يەشمىسى:] (Emmanuel Joseph Sieyes، 1748 — 1836) فرانسىيىلىك سىياسىي پائالىيەتچى. پروۋانىس ئۆلكىسىدىكى بىر ئوتتۇرا مۈلۈكدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە دىنىي تەربىيە ئېلىپ، دىنىي ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1787-يىلى چارتر (Chartres) نىڭ مۇئاۋىن ئېپىسكوپى بولغان. 1789-يىلنىڭ بېشىدا «ئۈچىنچى تەبىقە دېگەن نېمە؟» نى يېزىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ تەبىقە ئىمتىيازىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىش ۋە ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. شۇ يىلى 5-ئايدا پارىژدىكى ئۈچىنچى تەبىقىگە ۋەكىل بولۇپ، ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقان. 6-ئاينىڭ 20-كۈنى «چويلا توپ مەيدانى قەسىمى» نى تۈزۈپ چىققان. ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆپلىگەن ئىسلاھات لايىھىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپىنچىسى قوبۇل قىلىنمىغان، 1792-يىلى 9-ئايدا مىللىي ئۇيۇشمىغا سايلىنىپ، كورۇلنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشقا قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرگەن، لېكىن كەسكىن پارتىيە-گۇرۇھ توقۇنۇشىدا سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغان. 1794-يىلى تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، تومۇز ئېيى ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىنىپ، دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىنغان؛ ئارقىدىن بېرلىندا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن. 1799-يىلى 5-ئايدا تەپتىش ھۆكۈمەتنىڭ تەپتىشلىكىگە تەيىنلىنىپ، ناپولېئون بىلەن بىللە تۇمانلىق ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى پىلانلىغاندىن كېيىن، ئىجرائىي ھۆكۈمەتنىڭ ۋاقىتلىق ئىككىنچى ئىجراچىسى بولغان. تەييارلاپ چىققان 1799-يىلدىكى ئاساسىي قانۇنغا ناپولېئون زور تۈزىتىشلەرنى كىرگۈزگەن؛ كېيىن ئىجرائىي ھۆكۈمەتتىن چىقىرىلىپ، سېناتنىڭ باشلىقى بولغان. 1808-يىلى ئىمپېرىيە كومتې (Comte) دەپ بەلگىلەنگەن. 1815-يىلى بوربون سۇلالىسى تىرىلگەندىن كېيىن، بېلگىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1830-يىلى ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن، ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاقسۆڭەكلىك مەرتىۋە بېرىلگەن.

سىن. گېرمان سۈلھ شەرتنامىسى

  • سىن. گېرمان سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] تولۇق ئاتىلىشى «ئانتانتا دۆلەتلەر ۋە ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئاۋسترىيە بىلەن بولغان سۈلھ شەرتنامىسى». بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرغان ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى شەكىللەندۈرگەن ۋېرسال-ۋاشىنگتون سىستېمىلىرى سۈلھ شەرتنامىلىرىنىڭ بىرى. 1919-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئۇرۇشتا يەڭگەن دۆلەتلەر ئۇرۇشتا يېڭىلگەن ئاۋسترىيە بىلەن پارىژنىڭ يېنىدىكى سىن. گېرمان سارىيىدا ئىمزالىغان. ئاساسىي مەزمۇنى: ئاۋسترىيە كراينا (Kpaina) ۋە كارىنتىيە (Kapnhtnr) ئۆلكىلىرىنىڭ بىر قىسىم زېمىنىنى ھەمدە گوستىنلەن ۋە جەنۇبىي تىرولنى ئىتالىيىگە بۆلۈپ بېرىش؛ بۇكوۋىنا رومىنىيىگە تەۋە بولۇش؛ چېخوسلوۋاكىيە، يۇگوسلاۋىيە ۋە ۋېنگرىيە قاتارلىقلارنىڭ پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش؛ ئاۋسترىيە ئومۇميۈزلۈك ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، پىدائىي ئەسكەرلەردىن تەركىب تاپقان قوشۇننىڭ ئادەم سانىنى 30 مىڭ (ئوفىتسېر ۋە زاپاس قىسمىمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە)دىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەربىي پاراخوت، سۇ ئاستى كېمىلىرى ۋە سودا پاراخوتلىرىنى ئۇرۇشتا يەڭگەن دۆلەتلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىش؛ خەلقئارالىق ئىتتىپاق مەمۇرىيەت مەھكىمىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپمۇ، ئاۋسترىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشىنى چەكلەشتىن ئىبارەت. خابسبۇرگ (Habsburg) خاندانلىقى مۇشۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشقان. ئامېرىكا پارلامېنتى بۇ سۈلھ شەرتنامىنى تەستىقلىماي، ئاۋسترىيە بىلەن 1921-يىلى 8-ئايدا ۋېنادا ئۆز ئالدىغا ئايرىم سۈلھ شەرتنامە تۈزگەن. جۇڭگو شىمالىي مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى ۋەكىل ئەۋەتىپ، بۇ سۈلھ شەرتنامىسىگە ئىمزا قويغان.

سىئاك شەرتنامىسى

  • سىئاك شەرتنامىسى[يەشمىسى:] سۇماترا سىئاك (Siak) پادىشاھلىقى بىلەن گوللاندىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتى ئىمزالىغان شەرتنامە. 1858-يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئاچى بىلەن سىئاكنىڭ زېمىن تالاش-تارتىشىدىن پايدىلىنىپ، سىئاكنى ئالداپ شەرتنامە ئىمزالىغان. شەرتنامىدە، سىئاك پادىشاھلىقى ئۆز دۆلىتى ۋە ئۆزىگە قارام بولغان جايلارنى گوللاندىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، بۇ سىئاكنىڭ شىمالدىن مېئاڭ دەرياسى (تۇزسىز دېڭىز) غىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇششاق پادىشاھلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ ئۇششاق پادىشاھلىقلارنىڭ بەزىلىرى سىئاكنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمىغان، بەزىلىرى ئەمەلىيەتتە ئاچىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلاردىن ئىبارەت. گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى سىئاكنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. 1865-يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى قوشۇن ئەۋەتىپ شەرقىي سۇماترانىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلغان.

سىبارس

  • سىبارس[يەشمىسى:] (Sybaris) قەدىمكى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى يۇنان شەھىرى. لۇكانىيە (Lucania) نىڭ جەنۇبى، تارېنت قولتۇقىنىڭ غەربىي قىرغىقى، كراتىس (Crathis) دەرياسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. تەخمىنەن مى-لادىدىن 720 يىل ئىلگىرى ئاكاييالىقلار بىلەن تروئېزېنلار (Troezenians، جەنۇبىي يۇناننىڭ ئارگولىس دېگەن رايونىدا ئولتۇراقلاشقان) قۇرۇپ چىققان. تەبىئىي شارائىتى ياخشى بولۇپ، ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلغان، يالغۇز يۇنان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز ئەتراپىدىكى رايونلار بىلەن كەڭ سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، مەشھۇر باي شەھەرگە ئايلانغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ شەھەردىكىلەر ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلىپ ھۇزۇرلىنىشنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، كېيىنكىلەر دائىم «سىبارس» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيش-ئىشرەت ۋە كەيپ-ساپاغا بېرىلىشنى ئىپادىلەشكەن. ئۇ كۈچەيگەن مەزگىللەردە ئەتراپىدىكى بىر مۇنچە شەھەرلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي ئاكاييالىقلار بىلەن تروئېزېنلار توقۇنۇشۇپ قېلىپ، كېيىنكىسى جەنۇبتىكى چوڭ شەھەر كروتونغا قېچىپ بېرىپ، ھامىيلىق تىلىگەن. كروتونلىقلار كېيىن لەشكەر تارتىپ چىقىپ، سىبارسقا ھۇجۇم قىلىپ، دەريا سۈيىنى شەھەرگە باشلاپ، شەھەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتكەن (تەخمىنەن مىلادىدىن 510 يىل ئىلگىرى). ھايات قالغانلار يۇناننىڭ باشقا شەھەرلىرىگە بېرىپ ماكانلاشقان. ئاز ساندىكىلىرى شەھەر ئەتراپىدا قېپقالغان، بۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى تەخمىنەن مىلادىدىن 443 يىل ئىلگىرى كراتىس دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى شەھەر تۇرى (Thurii) نى قۇرۇشقا قاتناشقان.

سىبېلىئۇس

  • سىبېلىئۇس[يەشمىسى:] (Jean Sibelius، 1865 — 1957) فىنلاندىيىلىك كومپوزىتور. خامېئېنلىننا (Hameenlinna) دا تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدە پىئانىنو ۋە ئىسكىرىپكا ئۆگەنگەن ھەمدە ئۆزلۈكىدىن مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. خېلسىنكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىغا كىرىپ ئوقۇپ، ئۇزاق ئۆتمەي مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا يۆتكەلگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كې-يىن 1889 — 1891-يىللىرى بېرلىن ۋە ۋېنادا بىلىم ئاشۇرغان. 1892-يىلى «كولېفو» ناملىق سىمفونىيىلىك پوئېمىنى يېزىپ داڭقى چىققان. روسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مۇستەقىللىك ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقتىن، بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئۇزاققىچە مەنئى قىلىنغان. 1897-يىلدىن باشلاپ ئىش ھەققىدىن بەھرىمەن بولغانلىقتىن، پۈتۈن زېھنى بىلەن مۇزىكا ئىجاد قىلغان. لېكىن 1926-يىلدىن كېيىن بەكمۇ ئاز ئىجاد قىلغان. ئەسەرلىرى روشەن مىللىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، سەنئەت ئىجادكارلىقىغا باي؛ كىشىلەر ئۇنى فىنلاندىيە مىللىي مۇزىكىسىنىڭ ئاساسچىسى دەپ قارىغان. يەتتە قىسىملىق سىمفونىيىلىك مۇزىكا، «ساگا» ۋە «فىنلاندىيىگە مەدھىيە» دېكلاماتسىيە ھەمدە سىمفونىيىلىك شېئىرلار خور مۇزىكىسى، پىئانىنو مۇزىكىسى، ئىسكىرىپكا مۇزىكىسى قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

سىبىرىيە خانلىقى

  • سىبىرىيە خانلىقى[يەشمىسى:] غەربىي سىبىرىيىنىڭ ئۇرال تاغ تىزمىلىرىنىڭ شەرقىدىن توبول دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىغىچە بولغان رايونلاردا تاتارلار قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. ئەسلى ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا تەۋە بولغان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇستەقىل بولغان. لېكىن ئىچكى قىسمىدا بىرمۇنچە فېئودال خوجا يەرلىرىگە بۆلۈنۈپ كېتىپ، سىياسىي بىرلىك كەم بولغان. 1555-يىلى موسكۋا كىنەزلىكىگە بېقىنىشقا مەجبۇر بولغان. كۇچۇم خان (Kuchum Khan، تەخمىنەن 1563 — 1598) تەختكە چىققاندىن كېيىن، روسىيىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشقان. 1581-يىلى روسىيە يېرماك تىموفېۋىچنى كازاك ياللانما ئەسكەرلىرىنى باشلاپ سىبىرىيە خانلىقىغا بېسىپ كىرىشكە ئەۋەتكەن. ئىككىنچى يىلى پايتەخت سىبىر (Sibir، يەنە بىر ئىسمى ئىسكېر ) نى ئىشغال قىلغان. كۈچۈم خان يايلاققا چېكىنىپ كەتكەن. 1584-يىلى كۈچۈم خان لەشكەر تارتىپ چىقىپ، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. ئىككىنچى يىلى يېرماك يېڭىلىپ، ئېرتىش دەرياسىغا چۆكۈپ ئۆلگەن، قالدۇق لەشكەرلىرى تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. 1598-يىلى سىبىرىيە خانلىقىنى روسىيە قوشۇۋالغان.

سىپېتلېر

  • سىپېتلېر[يەشمىسى:] (Carl Spittcler، 1845 — 1924) تەخەللۇسى فېلكىس تاندېم (Felix Tandem). شۋېتسارىيىلىك شائىر، نەسىرچى. لىستوۋېلدا تۇغۇلغان. بيۇروكرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. بازېل، سىيۇرىخ، ئوتتۇرا ھېيدىلبېرگ قاتارلىق جايلاردىكى داشۆلەردە ئوقۇغان. 1871 — 1879-يىللىرى روسىيە ۋە فىنلاندىيىدە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1881-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن، كېيىن توي قىلىپ، مال-دۇنيالىق بولۇپ قالغان. نېمىسچە يازغان، كۆپچىلىك ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىن ئېلىنغان. ئەسەرلىرىدىن باللادا «پىرومېتى بىلەن ئاپىمىتى»، «ئولىمپىكتا باھار»، «پىرومىتىنىڭ قازاغا ئۇچرىشى»، «كاپىتان كانراد»، «بالىلىق كەچۈرمىشلىرىم» قاتارلىقلار بار. 1919-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

سپېمان

  • سپېمان[يەشمىسى:] (Hans Spemann، 1869 — 1941) گېرمانىيىلىك بىئولوگ، ھايۋاناتلار تۆرەلمىسىنىڭ «تەشكىللىگۈچىسى» نى تاپقۇچى. شتۇتگارتتا تۇغۇلغان. روستوك داشۆسى، فرېيبېرگ داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان ۋە ۋېليام خانلىق ئاكادېمىيىسى بىئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. دەسلەپكى يىللىرى بوۋاقنىڭ چېچىدىن پايدىلىنىپ، سەمەندەرنىڭ تۇخۇمدىنىنى بوغۇش تەجرىبىسىنى ئىشلەپ، دەسلەپكى باسقۇچتىكى تۆرەلمىنىڭ ھەرقايسى ھۈجەيرە يادرولىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئىقتىدارى جەھەتتە ھېچقانداق پەرق بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان، شۇنىڭدىن كېيىن، يەنە قوش ماكانلىقلار تىپىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئەسلىدىكى ئۈچەي تۆرەلمىسىنىڭ ئارقا لىۋىمۇ «تەشكىللىگۈچى» رولىنى ئوينىيالايدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ كەشپىيات تەجرىبە تۆرەلمىشۇناسلىق ئۈچۈن يېڭى مەنزىل ئېچىپ بەرگەن. 1935-يىلى نوبېل بىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن: «ئۆسۈپ يېتىلىش نەزەرىيىسىگە دائىر تەجرىبىلەردىن تۆھپىلەر» قاتارلىقلار بار.

سپېنگلېر

  • سپېنگلېر[يەشمىسى:] (Oswald Spengler، 1880 — 1936) گېرمانىيىلىك ئىدېئالىست پەيلاسوپ، تارىخشۇناس. ھاللې، ميۇنخېن ۋە بېرلىن قاتارلىق جايلاردىكى داشۆلەردە ئوقۇغان. تارىخ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولغان كۆپلىگەن مەدەنىيەت فورمىلىرىنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىش جەريانىدۇر، دەپ قارىغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن غەربىي ياۋروپادا كاپىتالىزمنىڭ كرىزىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى «غەرب مەدەنىيىتىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشى» دەپ ھېسابلىغان؛ بۇ «پاجىئە» لىك تەقدىردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، مىلىتارىزم بىلەن «سوتسىيالىزم» بىرلەشتۈرۈلگەن «يېڭى مەدەنىيەت» نى تىكلەش زۆرۈرلۈكىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ گىتلېرنىڭ «مىللىي سوتسىيالىزم» نەزەرىيىسىگە ئاساس سالغۇچى. «غەربنىڭ ھالاكىتى»، «تاللاش پەيتى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

سىپتا تاش قوراللار

  • سىپتا تاش قوراللار[يەشمىسى:] ئارخېئولوگىيىلىك ئاتالغۇ. ئادەتتە كەڭلىكى 1.5cm، ئۇزۇنلۇقى 5cm دىن تۆۋەن بولغان سىپتا تاش قوراللارنى كۆرسىتىدۇ. ئوتتۇرا تاش قوراللار دەۋرىدىن يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە كەڭ تارقالغان. بۇنىڭ ماتېرىياللىرى قاشتېشى، ھېقىق ۋە چاقماق تېشى قاتارلىقلار. ياسىغاندا ئاۋۋال ۋاسىتىلىك چوقۇپ ئۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق تاش پارچىلىرى چۈشۈرۈلۈپ، ئىككىنچى باسقۇچتا تاش پارچىلىرى سىلىقلىنىپ بىس ۋە ئۇچ چىقىرىلغان. خىللىرى كۆپ، يەنى تاش ئوتىغۇچ، تاش ئۈچكە، يونىغۇچ ۋە بىگىز نەققاشلىق ئەسۋابى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. چاسا تاش پارچىلىرى ئادەتتە سۆڭەكتىن ياسالغان پىچاققا بېكىتىلىپ ئىشلىتىلگەن.

سىتائودېنگىر

  • سىتائودېنگىر[يەشمىسى:] (Hermann Staudinger، 1881 — 1965) گېرمانىيىلىك خىمىك. ۋورمىستا تۇغۇلغان. كارلىس روھى سانائەت داشۆسى، سيۇرىخ دۆلەتلىك سانائەت داشۆسى ۋە فېرېيبېرگ داشۆسىدە پروفېسسور بولغان، چوڭ مولېكۇلا خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. ئورگانىك خىمىيىنى تەتقىق قىلىپ، مەلۇم رېئاكسىيىلەردە كۆرۈلگەن تەستە ئېرىيدىغان دەرەخ يېلىمى شەكىللىك جىسىملارغا قارىتا چوڭ مولېكۇلا ياكى ئۇيۇشچانلىقى يۇقىرى جىسىم دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ كۆز قاراش ئۈستىدە بەس -مۇنازىرە قوزغىلىپ، تاكى مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30 -يىللىرىغا كەلگەندە ئاندىن ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان. شۇنداقلا يۇقىرى مولېكۇلىلىق سۇيۇقلۇقنىڭ يېپىشىش دەرىجىسى بىلەن مولېكۇلا مىقدارى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بېكىتكەن. ئۇنىڭ تەتقىقاتى ئالىي مولېكۇلا ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان. 1953-يىلى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

سىتسىلىيە پادىشاھلىقى

  • سىتسىلىيە پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] سىتسىلىيە ئارىلىدىكى فېئودال پادىشاھلىق. 1061 — 1091-يىللىرى نورمانلار جەنۇبىي ئىتالىيە ۋە سىتسىلىيىنى بويسۇندۇرغان. 1130-يىلى، روگېر Ⅱ ئىككى جاينى بىرلەشتۈرۈپ، سىتسىلىيە پادىشاھلىقى دەپ ئاتىغان. 1194-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى خوخېن ستائۇفېن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ھېنرى Ⅵ قۇدا بولۇش ئارقىلىق سىتسىلىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى قولغا كىرگۈزگەن. ئۇنىڭ ئوغلى فرېدرىخ Ⅱ سىتسىلىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (1198 — 1250) يەرلىك فېئودال كۈچلەرنى ئاجىزلىتىپ، مەركىزىي ھاكىمىيەتنى كۈچەيتكەن. 1268-يىلى، فرانسىيە ئانجو گرافى چارلېس پاپانىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇپ، خوخېن ستائۇفېن سۇلالىسىنى يېڭىپ، سىتسىلىيە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمران بولغان. 1282-يىلى، سىتسىلىيە خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئانجو سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغان («سىتسىلىيە كەچلىك ئىبادەت قوزغىلىڭى» غا قارالسۇن)، شۇنىڭ بىلەن سىتسىلىيە پادىشاھلىقى يوقالغان. شۇ يىلدىن باشلاپ جەنۇبىي ئىتالىيە نېئاپول پادىشاھلىقى دەپ ئاتىلىپ، سىتسىلىيە ئاراگون پادىشاھلىقىغا قارام بولغان (1302-يىلى رەسمىي ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىلغان).

سىتسىلىيە قوزغىلىڭى

  • سىتسىلىيە قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] سىتسىلىيە ئارىلى خەلقىنىڭ ئىسپانىيە بوربون سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش قوزغىلىڭى. ئىككى قېتىملىقى ئەڭ مەشھۇر بولغان: (1) 1848-يىل 1-ئاينىڭ 12-كۈنى سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ مەركىزى پالېرمودا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، بوربون سۇلالىسىنىڭ تۇرۇشلۇق قوشۇنى سىتسىلىيە ئارىلىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، پادىشاھ فېردىناندوⅡ ئاساسىي قانۇن جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان. 4-ئايدا سىتسىلىيە پارلامېنتى مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىتالىيىنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، فېردىناندوⅡ 9-ئايدا قوشۇن ئەۋەتىپ مېسسىنا شەھىرىنى توپقا تۇتقان. 1849-يىلى 5-ئايدا پالېرمونى ئىگىلەپ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى قايتىدىن تۇرغۇزغان. (2) 1860-يىلى 4-ئاينىڭ باشلىرىدا سىتسىلىيە دېھقانلىرىنىڭ بوربون سۇلالىسىگە قارشى قوزغىلىڭى پارتلاپ، تېزلىك بىلەن پۈتۈن يېزىلارنى قاپلاپ، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى كۈنسايىن ئەۋج ئالغان. 5-ئايدا گارىبالدى قىزىل كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنىنى باشلاپ گېنويەدىن يولغا چىقىپ، سىتسىلىيە ئارىلىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، بوربون سۇلالىسىنىڭ قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، ساردىنىيە پادىشاھى ئېممانۇئېلⅡ نىڭ نامىدا ھاكىمىيەت قۇرغان ھەمدە دېڭىزدىن ئۆتۈپ نېئاپولنى ئازاد قىلغان. ئىككى رايون ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇلۇپ، ئىتالىيىنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بىرلىككە كېلىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

سىتسىلىيە قۇللار قوزغىلىڭى

  • سىتسىلىيە قۇللار قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سىتسىلىيە ئارىلىدا پارتلىغان قۇللار قوزغىلىڭى. سىتسىلىيە ئارىلى بىرىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشىدىن كېيىن رىمنىڭ بىر مەمۇرىي ئۆلكىسىگە ئايلىنىپ قالغان. ئاشلىق كۆپ چىققانلىقتىن «ئاشلىق كانى» دەپ نام ئالغان. ئارالدا قۇللۇق تۈزۈمىدىكى چوڭ قورۇقلار بولۇپ، بۇلاردا ئومۇميۈزلۈك ھالدا قۇللار ئىشلىتىلگەن. قۇلدارلارنىڭ قۇللار ئۈستىدىكى رەھىمسىز ئېكسپىلاتاتسىيىسى ۋە ئۇلارنى خورلاشلىرى داۋاملىق تۈردە قۇللارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرگە كەلگەندە ئاخىر ئىككى قېتىم زور كۆلەملىك قۇللار قوزغىلىڭى پارتلىغان. بىرىنچى قېتىمقىسى (مىلادىدىن ئىلگىرى 138—132): سىتسىلىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېننا شەھىرىدىكى قۇللار ئالدى بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مۇشۇ شەھەرنى ئىگىلەپ، سۈرىيىلىك قۇل ئېئۇنۇسنى باشلىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، غەربىي-جەنۇب-تىكى ئاگرىگېنت (Агригент)دېگەن يەردە كىچىك ئاسىيالىق قۇل كلېئون باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىمۇ بولۇپ، ئىككى قوشۇن بىرلىشىپ، ئېئۇنۇس خان، كلېئون مۇئاۋىن بولۇپ، «يېڭى سۈرىيە پادىشاھلىقى» نى قۇرۇپ، ئاۋام يىغىنى ۋە «ئاقىل»لاردىن تەركىب تاپقان مەسلىھەتلىشىش يىغىنى تەسىس قىلغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى جايلاردا ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلىپ، قۇلدارلارغا زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ قورۇقلىرىنى ۋەيران قىلسىمۇ، لېكىن ئۇششاق دېھقانلارغا زىيان سالمىغان؛ قۇللار ۋە نامراتلار ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ قوشۇلۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئادىمى 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. رىم ئارقا-ئارقىدىن قوشۇن ئەۋەتىپ باستۇرغان بولسىمۇ، مەغلۇپ بولغان. كېيىن كونسۇل روبېرۇنى ئەۋەتىپ، ئېننا شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلىپ، قوزغىلاڭچىلار ئاچ قالغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز ئىچىدىن خائىن چىققانلىقى سەۋەبىدىن، ئېننا قولدىن كەتكەن؛ كلېئون جەڭدە ھالاك بولغان، ئېئۇنۇس ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، تۈرمىدە ئۆلگەن. ئىككىنچى قېتىمقىسى (مىلادىدىن ئىلگىرى 104 — 101): سىتسىلىيىنىڭ باش ۋالىيسى خىيانەت قىلىپ، قانۇننى بۇزۇپ، قۇللارنى قويۇپ بېرىشنى ئوتتۇرا يولدا توختىتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن كېلىپ چىققان. دەسلىپىدە غەربىي-جەنۇب دېڭىز بويىدىكى گېراكلېيە ئەتراپىدىن باشلىنىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن شىمالدىكى ترىئوكالا شەھىرىنى ئىگىلەپ، سارۋىئۇس (ئۆزىنى «ترىبۇن» دەپ ئاتىغان) نى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە غەربىي دېڭىز بويىدىكى شەھەر لىلىبا (Lilybaeum)دا يەنە بىر قۇللار قوشۇنى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاتېنىئون (Athenion) باشچىلىق قىلغان. كېيىنكىسى پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا ماھىر بولۇپ، سارۋىئۇس بىلەن بىرلىشىپ، ئۇنىڭ مۇئاۋىنى بولغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى كەڭ رايونلارنى ئىگىلەپ، قۇللار ۋە نامراتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، قوشۇننى 30 مىڭ كىشىگە يەتكۈزگەن. رىم كۆپ قېتىم قوشۇن ئەۋەتىپ باستۇرغان بولسىمۇ مەغلۇپ بولغان. كېيىن يەنە كونسۇل ئاچۇئېرۇنى ئەۋەتىپ ترىئوكالانى زور قوشۇن بىلەن مۇھاسىرە قىلغان. ئىككى باشلىق ئىلگىرى-كېيىن قۇربان بولغان. ئاشلىق تۈگەپ شەھەر قولدىن كېتىپ، زور تۈركۈمدىكى قوزغىلاڭچىلار ئۆلتۈرۈلگەن. ئىككى قېتىملىق سىتسىلىيە قۇللار قوزغىلىڭى قۇلدارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا زەربە بېرىپ، رىم جۇمھۇرىيىتىدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرگەن ھەمدە شۇ چاغدىكى كىچىك ئاسىيا، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقى قاتارلىق جايلاردىكى قۇللار قوزغىلىڭىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.

سىتسىلىيە كەچلىك ئىبادەت قوزغىلىڭى

  • سىتسىلىيە كەچلىك ئىبادەت قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] 1282-يىلى سىتسىلىيە خەلقىنىڭ فرانسىيە فېئوداللىرىغا قارشى قوزغىلىڭى، ئىبادەتخانىنىڭ كەچلىك ئىبادەت ئۈچۈن ئۇرغان قوڭغۇراق ئاۋازىنى بەلگە قىلغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1268-يىلى فرانسىيە ئانجو گرافى چارلېس سىتسىلىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋېلىپ، سىتسىلىيە ۋە جەنۇبىي ئىتالىيە («سىتسىلىيە پادىشاھلىقى» غا قارالسۇن) نى باشقۇرغان. فرانسىيە فېئوداللىرى يانچىلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، جان بېجى ئېلىپ، شەھەر ئىگىلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە فرانسىيە ياللانما ئەسكەرلىرىنىڭ خالىغانچە ئەسكىلىك قىلىشى سىتسىلىيە خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1282-يىل 3-ئاينىڭ 30-كۈنى سىتسىلىيىنىڭ مەركىزى پالېرمو (Palermo)دىكى خەلق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، پالېرمودىكى فرانسىيە مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنى دېگۈدەك يوقاتقان. 4-ئايدا قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى پۈتۈن سىتسىلىيىنى ئىگىلىگەن، قوزغىلاڭغا بىرمۇنچە يەرلىك فېئودال پومېشچىكلارمۇ قاتناشقان. شۇ يىلى قوزغىلاڭچىلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمى ئاراگون پادىشاھى پېدرو Ⅲ (PedroⅢ، 1270— 1285 -يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نى قوشۇمچە سىتسىلىيە كورۇلى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان (Ⅰدەپ ئاتىلىپ، 1282 — 1285-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان). 1302-يىلى ئاراگون سۇلالىسى سىتسىلىيىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى رەسمىي ئورناتقان.

سىتمىسونچىلىق

  • سىتمىسونچىلىق[يەشمىسى:] «ئېتىراپ قىلماسچىلىق» مۇ دېيىلىدۇ. ياپونىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىي رايونىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا قارىتا ئامېرىكىنىڭ قوللانغان دىپلوماتىيە سىياسىتى. 1931-يىلى ياپونىيە «18-سېنتەبر ۋەقەسى» نى قوزغاپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىنى ئىشغال قىلىپ، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى كۈچ باراۋەرلىكىنى بۇزۇۋەتكەن. 1932-يىلى 7-يانۋار ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى سىتمىسون جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرىگە نوتا تاپشۇرغان. نوتىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىكى، زېمىن ۋە مەمۇرىي پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق قىلمىشلارنى، «ئۇرۇشماسلىق ئەھدىنامىسى» گە خىلاپ كېلىدىغان ھەرقانداق شەرتنامە ياكى كېلىشىملەرنى ئېتىراپ قىلمايدۇ؛ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ جۇڭگودىكى ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگۈچىلەرنىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئوخشاشلا ئېتىراپ قىلماقچى ئەمەس». ئىككىنچى كۈنى ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى يەنە قوشۇمچە بايانات ئېلان قىلىپ «ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىنىڭ مانجۇرىيىدىكى قانۇنلۇق شەرتنامە ھوقۇقىغا قىلچە ئارىلىشىش غەرىزى يوق» لىقىنى، ياپونىيىنىڭ ھەرقانداق ھەرىكىتىنى سۈرۈشتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سىتمىسونچىلىقنىڭ ماھىيىتى، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىنى قۇربان قىلىپ بېرىش بەدىلىگە، ياپونىيىنى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت.

سىتۋان باتورى

  • سىتۋان باتورى[يەشمىسى:] (Istvan Bathory، 1533 — 1586) پولشا كورۇلى (1576 — 1586). 1571— 1576 -يىللاردا ترانسىلۋانىيىنىڭ كىنەزى بولغان. كېيىن پولشا ئۇششاق ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، پولشانىڭ كورۇللۇق تەختىگە چىققان. 1579-يىلى لىۋونىيە ئۇرۇشى (1558 — 1583) غا قاتنىشىپ، روسىيىگە بېسىپ كىرگەن ۋە پىسكوۋ شەھىرىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ ئالالمىغان، 1582-يىلى چار پادىشاھ ئىۋان Ⅳ بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان، روسىيە لىۋونىيىنى پولشا -لىتۋا كورۇللۇقىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قوشۇلغان. ئىچكى جەھەتتە كاتولىك دىنىغا تايىنىپ، پولشادا دىننى ئىسلاھ قىلىشقا قارشى تۇرغان.

ستىۋانⅠ

  • ستىۋانⅠ[يەشمىسى:] (IstvanⅠ، تەخمىنەن 975 — 1038). ۋېنگرىيىنىڭ تۇنجى پادىشاھى (1000 — 1038). مىلادى 997-يىلى دادىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ۋېنگرىيىنىڭ كىنەزى بولغان. 1000-يىلى رىم پاپاسىنىڭ قوللىشى بىلەن تاج كىيىپ، پادىشاھ دەپ ئاتالغان ۋە ئارپاد سۇلالىسىنى قۇرغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، چېركاۋغا كەڭ كۆلەملىك يەرلەرنى ئىنئام قىلغان، شۇنىڭ بىلەن چېركاۋ پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكىگە ئايلانغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا، مەركەزگە بويسۇنىدىغان يەرلىك مەمۇرىي ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىپ، ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ قالدۇقلىرىنى يوقاتقان، شۇنىڭ بىلەن فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ شەكىللىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، سىنىپىي زىددىيەتلەرمۇ شۇ سەۋەبتىن جىددىيلەشكەن.

ستىۋانⅢ

  • ستىۋانⅢ[يەشمىسى:] «كىنەز ستېۋان»غا قاراڭ.

ستېۋېنسون

  • ستېۋېنسون[يەشمىسى:] (Adlai Ewing Stevenson، 1900 — 1965) ئامېرىكا ئەمەلدارى. دېموكراتلار پارتىيىسى ئەزاسى. دەسلەپتە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى زاپاس قىسمىدا ئەسكەر بولغان، 1922-يىلى پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندى-ن كېيىن، يەنە ھاۋر (Havre) قانۇن ئىنىستىتۇتى ۋە غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1927 — 1940-يىللىرى چىكاگودا ئادۋوكاتلىق قىلغان ھەمدە يېزا ئىگىلىكىنى تەڭشەش مەھكىمىسى بىلەن ئىتتىپاق ئىسپىرت مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە ياردەمچىسى، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىنىڭ پەۋقۇلئاددە ياردەمچىسى بولغان. كېيىن ئامېرىكىنىڭ ب د ت سان-فرانسىسكو يىغىنىغا قاتناشقۇچى ۋەكىلى، ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى ۋە ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان. 1948-يىلى ئىللىنويىس شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. شتات باشلىقى بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا ساداقەتمەنلىك قەسەمياد قانۇنىنى رەت قىلىپ ئاۋاز بەرگەن. 1961-يىلى ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئىچكى كابىنېت ئەمەلدارى دەرىجىلىك باش ئەلچىسى بولغان. ئۇنىڭ «ئۇلۇغ چاقىرىق»، «ئىتتىپاقداشلار ۋە رەقىبلەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

سترائۇس

  • سترائۇس[يەشمىسى:] (1) داۋىد فرېدرىخ سترائۇس (David Friedrich Strauss، 4781 - 8081) گېرمانىيىلىك تېئولوگ، ئىدېئالىست پەيلاسوپ، ياش گېگىلچىلارنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى. دەسلەپكى يىللاردا تىبىنگېندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1831-يىلى بېرلىندا پەلسەپە ئۆگەنگەن. 1835-يىلى «ئەيسانىڭ تەرجىمىھالى — تەنقىدىي تەتقىقات» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، خرىستىئان دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىسىنى تەنقىد قىلىپ، پەلسەپە ساھەسىدە بەس-مۇنازىرە پەيدا قىلغان، ئاخىرى گېگىلچىلارنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ، بىر مەھەل نام چىقارغان. 1840-يىلى يەنە «خرىستىئان دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىسى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، خرىستىئان دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىسىنى روشەن ھالدا ئىنكار قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي سيۇرىخ داشۆسىنىڭ پروفېسسورلۇقىغا تەيىنلەنگەن، بىراق ئاممىنىڭ نارازىلىقىدىن ۋەزىپە ئۆتىيەلمىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئىلاھىيەتنى تەتقىق قىلىشنى 20 يىلدىن كۆپرەك تاشلىۋەتكەن. سىياسىي جەھەتتە مۇتەئەسسىپ پوزىتسىيىدە بولۇپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى تەشەببۇس قىلىپ، پرۇسسىيىنىڭ گېرمانىيىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى ھىمايە قىلىپ، بىسماركنىڭ «قاتتىق قوللۇق قانلىق سىياسەت» نى قوللىغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى ئاساسلىق ئەدەبىي ئوبزور ۋە تەرجىمىھال يېزىش بىلەن مەشغۇل بولغان، ئاتاقلىق ئەسىرىدىن: «گۇتتېننىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىقلار بار. 2781 - 5681-يىللىرى دارمىشتاتتا ئولتۇراقلىشىپ، ئىلاھىيەت تەتقىقاتىنى قايتا باشلىغان. 1872-يىلى ئاخىرقى ئەسىرى «يېڭى-كونا ئېتىقاد» نى ئېلان قىلىپ، يېڭىباشتىن كەسكىن بەس-مۇنازىرىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەبچى بولغان. (2) جون سترائۇس (Johann Strauss، 1825 - 1899). ئاۋسترىيىلىك كومپوزىتور. دەسلەپتە بانكا خىزمەتچىسى بولغان. ئىسكىرىپكا ۋە كومپوزىتورلۇقنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن. 1844-يىلى شەخسىي ئوركىستىر قۇرۇپ، ئۆزى ئىجاد قىلغان ۋالىس مۇزىكىلارنى ئورۇنلىغان ھەمدە ئۆزى دىرىژورلۇق قىلغان. 1849-يىلى ئوركىستىرىنى باشلاپ، مەملىكەت ئىچىدە سەييارە ئويۇن قويغان ھەمدە ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە سەييارە ئويۇن قويغان. روسىيىنىڭ سانكىت-پېتربۇرگ (ھازىرقى لېنىنگراد)تا پېترو پاۋلوۋىسكى باغچىسىنىڭ يازلىق مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ دىرىژورلۇقىنى 10 يىل ئىشلىگەن. 3681 - 2681-يىللىرى ئاۋسترىيە ئوردا تانسا ئوركىستىرنىڭ دىرىژورلۇقىنى ئۆتىگەن. 1872-يىلى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك ۋە بوستون مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ دىرىژورى بولغان. ئۇنىڭ ئىجاد قىلغان ۋالىس مۇزىكىلىرى 400 دىن ئارتۇق، پىرقىراش قەدىمى تېز ۋە ئۇدار روشەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ «ۋېنا ۋالىسى» دەپ ئاتالغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «يېشىل دوناي»، «ۋېنا ئورمانلىقىدىكى ھېكايە»، «سەنئەتكارنىڭ ھاياتى»، «باھار ساداسى»، «شەپەرەڭ»، «سىگان گرافى» قاتارلىقلار بار.

ستىلۋېل

  • ستىلۋېل[يەشمىسى:] (Joseph Warren Stilwell، 6491 - 3881) ئامېرىكىلىق گېنېرال. 1904-يىلى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن ھەربىي ئوقۇتقۇچى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاخباراتچىلىق ساھەسىدە ئىشلىگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن جۇڭگودا خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەن. 3291 - 1291-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئەمەلدارى، 1925-يىلى ئامېرىكىنىڭ تيەنجىندە تۇرۇشلۇق قوشۇنلىرىن-ىڭ شتاب باشلىقى، 9391 - 2391-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى، 1942-يىلى 1-ئايدا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو-بىرما-ھىندىستان رايونىدا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئىشلار ۋەكىلى، جۇڭگوغا ئىجارىگە بېرىلگەن ماددىي ئەشيالارنى بىر تۇتاش باشقۇرغۇچى، جۇڭگو ئۇرۇش رايونى قوماندانىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە شتاب باشلىقى بولغان. يۈننەن-بىرما يولى تەمىنات لىنىيىسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىرمىغا ئەسكەر باشلاپ كىرىپ، ياپونىيە ئارمىيىسىگە قارشى جەڭ قىلغان. ئۇرۇش قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئىجارىگە بېرىلگەن ئەشيالارنى تەقسىم قىلىش جەھەتلەردە جياڭ جيېشى بىلەن جېدەللىشىپ قالغانلىقتىن، 1944-يىلى 10-ئايدا دۆلىتىگە چاقىرتىپ كېتىلگەن. كېيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى، 6-ئارمىيىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇنىڭ «ستىلۋېل ھۈججەتلىرى» دېگەن ئەسىرى بار.

ستىمسون

  • ستىمسون[يەشمىسى:] (Henry Levis Stimson، 0591 - 7681) ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى (3391 - 9291). جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى. يېل، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان. 1891 - 1906-يىللىرى نيۇ-يوركتا ئادۋوكات بولغان. كېيىن نيۇ-يورك شتاتى جەنۇبىي رايونىنىڭ ئادۋوكاتى بولغان. 3191 - 1191-يىللىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. 1915-يىلى نيۇ-يوركتىكى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىدا بەزىبىر مۇھىم ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1927-يىلى ئامېرىكىنىڭ نىكاراگۇئادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ۋەكىلى بولغان. كېيىن فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ۋالىي بولغان. دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولۇپ تۇرغىنىدا، 1931-يىلى ياپونىيە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، «ستىمسونچىلىق» نى ئوتتۇرىغا قويغان. ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن يەنە ئادۋوكاتلىق قىلغان. ئوق مەركىزىي دۆلەتلىرىگە قاتتىق پوزىتسىيە قوللىنىشنى بار كۈچى بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئەنگلىيىگە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 1940-يىلى يەنە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. 1945-يىلى 9-ئايدا، ھۆكۈمەت ئاپپاراتىدىن چېكىنىپ چىققان. «ئامېرىكىنىڭ نىكاراگۇئادىكى سىياسىتى»، «يىراق شەرق كرىزىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

سىد

  • سىد[يەشمىسى:] (El Cid، تەخمىنەن 9901 - 3401) ئەسلى ئىسمى رودرىگو دىياس دې ۋىۋار (Rodrigo Diaz de Vivar) ئىسپانىيە رىتسارى. ۋىۋار (Vivar، بورگوس ئەتراپىدا) دىكى ئاقسۆڭەك پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كاستىلىيە كورۇلى سانچوⅡ ( SanchoⅡ، 2701 - 5601-يىللاردا تەختتە تۇرغان) نىڭ ئوردا مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، مورلار ۋە لېئون كورۇلى ئالفونسو Ⅵ غا قارشى جەڭ قىلغان. ئالفونسو Ⅵ كاستىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ تەختىگە چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ كۈچى بارا-بارا ئاجىزلىشىپ كەتكەن. 1081-يىلى كاستىلىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن ساراگوسانىڭ مۇسۇلمان ھۆكۈمرانىغا بېقىنىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن جەڭ قىلغان ۋە كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن. مۇسۇلمان جەڭچىلەر ئۇنى «مېنىڭ باشلىقىم» elCid]، cid دېگەن سۆز ئەرەبچە «سەييىد» Sayyid، (خوجايىن) دېگەن سۆزنىڭ خاتا ئېيتىلىشى[يەشمىسى:] [ دەپ ئاتاشقان. كېيىن ئالفونسو Ⅵ بىلەن يارىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن شەرقىي چېگرا رايوننى قوغدىغان. 1094-يىلى ۋالېنسىيىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، مۇستەقىل ھۆكۈمران بولۇپ قالغان. مورابىتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۆلگەنگە قەدەر تاقابىل تۇرغان. سىد ئىسپانىيىنىڭ مەشھۇر داستانى «سىد» تىكى باش قەھرىمان. لېكىن ئۇنىڭ ئەدەبىي جەھەتتىن پىششىقلاپ ئىشلەپ تەسۋىرلەنگەن ئىش پائالىيەتلىرى تارىختىكى سىدنىڭكىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ. 

سىددارتا

  • سىددارتا[يەشمىسى:] (Siddharta)، بۇددا دىنىنىڭ ئىجادچىسى ساكيامونىنىڭ ئىسمى. «ساكيامونى» غا قاراڭ. 

سىدون

  • سىدون[يەشمىسى:] قەدىمكى فىنىكىندىكى مۇھىم شەھەر. ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا، ھازىرقى لىۋاننىڭ سەيدا (Saida) دېگەن يېرىگە جايلاشقان. سىدون (Sidon) «بېلىقچىلىق ماكانى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، قەدىمكى يۇنانلىقلار بۇ يەرنى دائىم فىنىكلارنىڭ ئومۇمىي نامى قىلىشقان. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرى سېمىتلار (Semites ياكى Semu) نىڭ ئىچىدىكى كەنئانىلىقلار مۇشۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇللۇق تۈزۈمدىكى شەھەر دۆلەتلىرى شەكىللەنگەن، شۇنىڭدىن كېيىن مىسىر ۋە ھېتت (كىچىك ئاسىيا) نىڭ تەسىرى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ ئەسىردە مۇستەقىللىككە ئېرىشىپ، پائال سۈرەتتە دېڭىز ئۈستى مۇستەملىكىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، سىپرۇس ئارىلى قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىۋالغان. سىدون دائىم تىر (Tyre) بىلەن بىر قاتاردا فىنىكىيىنىڭ چوڭ شەھىرى ۋە دېڭىز پورتى ھېسابلىنىپ كەلگەن؛ ئۇنىڭ قول سانائىتى، سودىسى تەرەققىي قىلغان، خۇسۇسەن جىگەر رەڭ بوياق ماتېرىياللىرى ۋە ئەينەك بۇيۇملىرى ئارقىلىق نامى جاي-جايلارغا تارالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن كېيىن، ئاسسۇرىيە، يېڭى بابىلوننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. مىلادىدىن 333 يىل ئىلگىرى، ماكېدونىيىلىك ئالېكساندر تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان. مىلادىدىن 64 يىل ئىلگىرىدىن باشلاپ، ئۇزاققىچە رىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەۋە بولغان. سىدون شەھىرىگە فىنىكلار ئومۇميۈزلۈك چوقۇنىدىغان ئايال خۇدا ئاستارتې (Astarte) چېركاۋى سېلىنغان. 

سىدنېي

  • سىدنېي[يەشمىسى:] (Philip Sidney، 6851 - 4551) ئەنگلىيىلىك شائىر. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. لاتىنچە، فرانسۇزچە ۋە ئىتالىيانچىگە پىششىق. ئايال پادىشاھ ئېلىزابېتنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن. ئوفىتسېر ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بولغان، نېدېرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە، 1585 -يىلى نېدېرلاندىيىگە بېرىپ، نېدېرلاندىيە خەلقىنىڭ ئىسپانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇشىغا مەدەت بەرگەن، 1586-يىلى 9-ئايدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە يارىلىنىپ ئۆلگەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «خىيالىي جەننەت» (ئاكادىيە دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) دا قىشلاق غەزىلى شەكلىدە مۇھەببەت ۋە تەۋەككۇلچىلىك تەسۋىرلەنگەن، «شېئىر ھەققىدە مۇنازىرە» دېگەن ئىلمىي ماقالىسىدە پۇرىتانلارنىڭ سەنئەتنى ئىنكار قىلىدىغان نۇقتىئىنەزەرىگە رەددىيە بېرىلگەن، كلاسسىزملىق پرىنسىپى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا «ئاستلوفېر بىلەن سىدەيرا» ناملىق 14 مىسرالىق شېئىرلار توپلىمى بار. 

سىراج ئۇد-دائۇلا

  • سىراج ئۇد-دائۇلا[يەشمىسى:] (Siraj ud daula، تەخمىنەن 7571 - 2371) ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ بېنگالدىكى ھۆكۈمرانى (7571-6571). ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئەنگلىيىنىڭ كالكۇتتادىكى كېڭەيمىچىلىك كۈچلىرىگە قارشى تۇرغان. 1756-يىلى 6-ئايدا، كالكۇتتانى ھۇجۇم بىلەن ئالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەنگلىيە قوشۇنىدىن ئەسىرگە چۈشكەنلەرنىڭ بىر قىسمى بىر ئېغىز كىچىككىنە ئۆيگە سولاپ قويۇلغان، ئەسىرلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن. بۇ، تارىختىكى «قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ۋەقەسى» ئىدى. 1757-يىلى 1-ئاينىڭ باشلىرىدا، ئەنگلىيە قوشۇنى كالكۇتتانى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سۈلھ تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان ھەمدە ئەنگلىيىنىڭ ئىمتىيازىنى ئېتىراپ قىلغان. كېيىن ئەنگلىيە ئۇنى بىكار قىلماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەنگلىيىگە قارشى ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. 6-ئايدا پىلاسسى جېڭىدە مىرجاپار ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن مەغلۇپ بولغان. 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇ مىر جاپارنىڭ ئوغلى مىران (Miran) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

سىراسىيبۇلۇس

  • سىراسىيبۇلۇس[يەشمىسى:] (Thrasyboulos ياكى Thrasybulus، ؟ — تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 390 ياكى 389) قەدىمكى ئافىنا سىياسىئونى، گېنېرال. ليكۇس (Lycus) نىڭ ئوغلى. دېموكراتىك سىياسەتنىڭ ھىمايە قىلغۇچىسى. ساموس ئارىلىدا دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلغان. ئانتىفون قاتارلىقلارنىڭ ئولىگارخ ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغان(مىلادىدىن 441 يىل ئىلگى-رى). قېچىپ كەتكەن ئالبىيەدېس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ ئافېناغا قايتىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولغان (مىلادىدىن 407 يىل ئىلگىرى). پېلوپوننېس ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن (مىلادىدىن 404 يىل ئىلگىرى)، كرىتىئاس قاتارلىقلار ئافىنادا «30 زالىم پادىشاھ» نىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتقان مەزگىلدە تېبىسقا قېچىپ كەتكەن. تېبىستىكى دېموكراتلارنىڭ ماددىي ياردىمىگە ئىگە بولۇپ، «30 زالىم پادىشاھ» نىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۆزئارا پۇت تېپىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەسكەر باشلاپ، پىيلې (phyle) قورۇلىنى بېسىۋالغان. كەينىدىنلا بىليۇس پورتىدىكى مۇنكىيىدە (Munychia) كرىتىئاسنى مەغلۇپ قىلغان (ئۆلتۈرگەن)؛ «30 زالىم پادىشاھ» ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، ئافېنادا دېموكراتىك سىياسەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. مىلادىدىن 395 يىل ئىلگىرى، تىبىسنىڭ سپارتاغا قارشى تۇرۇشىغا مەدەت بەرگەن. كېيىن ئېگېي دېڭىزىدا فلوتقا قوماندانلىق قىلغان. زورمۇزور ئولپان ئېلىش سەۋەبى بىلەن ئاسپېندۇس (Aspendus، كىچىك ئاسىيانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى پانفېرىيە چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان) ئاھالىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 

سىراكۇز

  • سىراكۇز[يەشمىسى:] (Syracusae ياكى Siracusa ياكى Syracuse) سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى قەدىمكى شەھەر (ھازىرقى ئىتالىيە تەۋەلىكىدە). ئاناپۇس (Anapus) دەرياسى ئېغىزىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىغا (دەريا ئېغىزىغا تەخمىنەن 2 كىلومېتر كېلىدىغان جايغا) جايلاشقان. مىلادىدىن 734 يىل ئىلگىرى، ئارچىيا (Archias) بىر تۈركۈم كورىنتوس (يۇنان) مۇستەملىكىچىلىرىنى باشلاپ قۇرغان. جايلاشقان ئورنى شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇرا دېڭىزى ۋە ئىتالىيە بىلەن شىمالىي ئافرىقا (كارفاگېن) نىڭ قاتناش تۈگۈنىدە بولغاچقا تېز تەرەققىي تاپقان؛ سىراكۇز پورتى مەزكۇر رايوننىڭ مۇھىم سودا تۈگۈنى بولۇپ، دېڭىزغا ئۈسۈپ كىرگەن كىچىك يېرىم ئارال ئورتۇگىيە (Ortygia) ئۇنى ئىككى قىسىمغا بۆلۈۋەتكەن، غەربىي جەنۇبى قىسمى «چوڭ پورت»، شەرقىي شىمالىي قىسمى «كىچىك پورت» دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرگىچە (تېئونتۇ Ⅰ زامانىسىدا)، ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن. سىراكۇز قەدىمكى شەھىرىگە مۇستەھكەم سېپىل ياسىلىپ، شەھەرنىڭ ستراتېگىيىلىك ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. دەسلەپكى مەزگىلدە ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىقى يولغا قويۇلغان. ھاكىمىيەتنى يەرلەر ئىگىسى (Geomori ياكى Gamori) لار ئىگىلىگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن 485 يىل ئىلگىرى ئەتراپىدا ئاۋام خەلقنىڭ كۈچى ئۆسۈپ، ئاقسۆڭەك-پومېشچىكلارنى قوغلىغان. ئارقىدىن تىرانىستلار ھاكىمىيىتى بارلىققا كەلگەن. تىران گېلون (Gelon) ھەمدە ئۇنىڭ ۋارىسى خىيېرون Ⅰ (Hieron I) ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى ۋە مىلادىدىن 474 يىل ئىلگىرى، كارفاگېن ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئېترۇرىيىنى ئارقىمۇئارقا يەڭگەن، شۇنىڭ بىلەن، سىراكۇز غەربىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. مىلادىدىن 466 يىل ئىلگىرى، دېموكراتىك ھاكىمىيەت فورمىسى قۇرۇلغان. پېلوپوننېس ئۇرۇشى مەزگىلىدە سىراكۇز ئافىنا ۋە كارفاگېن بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، دېموكراتىك كۈچلىرى ئاجىزلاپ كەتكەن، تېئونتۇ Ⅰ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ۋە يېڭىباشتىن تىران سىياسىتىنى ئورناتقان. ئۇ قىرىق يىلغا يېقىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ (مىلادىدىن ئىلگىرى 763 - 504)، كۆپ مىقداردا ياللانما ئەسكەر قوبۇل قىلىپ، ھەربىي كۈچىنى (بولۇپمۇ دېڭىز ئارمىيىسى كېمىسازلىقىنى)، تەرەققىي قىلدۇرۇپ كۆپ قېتىم كارفاگېننى مەغلۇپ قىلىپ، غەربىي ئوتتۇرا دېڭىزى رايونىدىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىگەن. ئۇنىڭ ئوغلى تېئۇنىشۇ Ⅱ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىلدە بىر مەھەل قوغلانغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 344 يىل ئىلگىرى ياكى مىلادىدىن 343 يىل ئىلگىرى كورىنتۇسنىڭ گېنېرالى تىمولېئون (Timoleon، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ 733 -) دېڭىزىدىن ئۆتۈپ سىراكۇزنى ئىشغال قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئاتا-بالا تېئۇلارنىڭ تىرانلىق ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەن. دېموكراتىك ھاكىمىيەت فورمىسى ئەسلىگە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە تىران ئاگاتوكلې (Agathocles، مىلادىدىن ئىلگىرى 982 - 163) ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن (مىلادىدىن 317 يىل ئىلگىرى). گېنېرال خيېرون Ⅱ (HieronⅡ تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 306 - 215) سىراكۇزدا «خان» دەپ ئاتالغاندا (تەخمىنەن مىلادىدىن 270 يىل ئىلگىرى باشلانغان) ھەربىي سەپتىن قايتقان بىر تۈركۈم ياللانما ئەسكەرلەر (ئىتالىيىلىكلەر) سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىي تۇم-شۇقى-دىكى مېسسانا (Messana) شەھىرىنى بېسىۋالغان. بۇ ئىش پوئېنى ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان (مىلادىدىن 264 يىل ئىلگىرى). ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشىدا (مىلادىدىن ئىلگىرى 102 - 812) رىم تاجاۋۇزچىلىرىغا قەتئىي قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرى مىلادىدىن 212 يىل ئىلگىرى شەھەر قولدىن كەتكەن، شۇنىڭدىن تارتىپ سىراكۇز ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە رىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قېلىپ، سىتسىلىيىنىڭ مەمۇرىي ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ بارا-بارا ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى يوقاتقان. 

سىرتا

  • سىرتا[يەشمىسى:] (Cirta) شىمالىي ئافرىقىدىكى قەدىمكى شەھەر. بۈگۈنكى ئالجىرىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كونستانتىندا. كارفاگىنلىقلار قۇرغان. سىرتا دېگەن سۆز ئەسلىدە فىنىكلارنىڭ تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، شەھەر دېگەنلىك. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىردىن باشلاپ، نومىدىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. يەر تۈزۈلۈشى ئېگى-ز ھەم خەتەرلىك، ئامپىساگاس (Ampsagas)دەرياسى ئۇنى ئوتتۇرىغا ئالغان بولۇپ، مۇداپىئە قىلىشقا ئەپلىك. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە نومىدىيىدە ئىچكى ماجىرا يۈز بېرىپ، جۇگۇرتا پادىشاھى بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلغان، بىر تۈركۈم رىم سودىگەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، جۇگۇرتا ئۇرۇشى (مىلادىدىن 111 يىل ئىلگىرى) نى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مىلادى 311-يىلى ئۇرۇش بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان. 313-يىلى كونستانتىن Ⅰ ئۇنى قايتا قۇرۇپ، ئىسمىنى ھازىرقىغا ئۆزگەرتكەن.

سىرلىق ئوردا

  • سىرلىق ئوردا[يەشمىسى:] (Labyrinthos ياكى Labyrnth) يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى بىناكارلىق قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولغان ئىمارەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئاتىلىشى. ئادەتتە كرىت ئارىلىدىكى قەدىمكى كنوساس شەھىرىدىكى مىنوس ئوردىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەپسانىلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئوردىنى ماھىر ئۇستا دېدالۇس (Daedalus) پادىشاھ مىنوس ئۈچۈن ياسىغانمىش؛ ئەنگلىيىلىك ئارخېئولوگ ئېۋانىسنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە، بۇ ئۈچ قەۋەتلىك ھەيۋەتلىك بىر ئىمارەت ئىكەن. قەدىمكى مىسىرنىڭ 12-سۇلالىسى (مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅩ ئەسىردىن ئىلگىرىكى ⅩⅧ ئەسىرگىچە ھۆكۈم سۈرگەن) نىڭ فىرئەۋىنى مېرىدوۋا كۆلى يېنىغا «سىرلىق ئوردا» سالدۇرغانىكەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ ئوردا ئۈچ مىڭ ھۇجرىدىن تەركىب تاپقان. ھازىر بۇ سۆز ئېنىقلىغىلى بولمايدىغان، ئىزاھلاشمۇ قىيىن بولغان مەلۇم مۇرەككەپ شەيئىلەرگە ياكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

سىرېنې

  • سىرېنې[يەشمىسى:] (Cyrene) شەرقىي شىمالىي ئافرىقىدىكى قەدىمكى شەھەر، سىرېنائىكا (Cyrenaica) نىڭ پايتەختى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا مىلادىدىن 631 يىل ئىلگىرى، يۇنانلىق باتتۇس (Battus) دېگەن كىشى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى ئاپوللونىيە پورتى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئون ئىنگلىز مىلى كېلىدۇ، كرېت ئارىلى بىلەن بۇرۇندىنلا بېرىش-كېلىش قىلغان؛ يۇنانلىقلارنىڭ بۇ جايغا ئاھالە كۆچۈرۈشىگە ئەگىشىپ، يۇنان مەدەنىيىتىمۇ تارقالغان. يۇنانلاشتۇرۇش دەۋرى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن Ⅰ ئەسىرگىچە) دە مىسىرنىڭ پتولېمې خاندانلىقىغا قاراشلىق بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رىمغا تەۋە بولغان. بۇ شەھەردە شائىر كاللىماكوس، ئاسترونوم ئېراستوسفېن، پەيلاسوپ ئارىستوپان قاتارلىق مەشھۇر زىيالىيلار مەيدانغا كەلگەن. كېيىن بۇ شەھەر خارابىيلىققا ئايلانغان (ھازىرقى لىۋىيە چېگرىسى ئىچىدە). ئارخېئولوگىيىلىك قېزىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ خارابىدىن سۇ يولى، ئىبادەتخانا، تىياتىرخانا قاتارلىق ھەر خىل بىنالار ۋە ئەسۋاب، نەقىش، رەسىم قاتارلىق سەنئەت بۇيۇملىرى تېپىلغان بولۇپ، قەدىمكى شىمالىي ئافرىقىنىڭ جەمئىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.

سىرىكىسېترا خانلىقى

  • سىرىكىسېترا خانلىقى[يەشمىسى:] يەنى «پيۇ خانلىقى».

سۇرىل

  • سۇرىل[يەشمىسى:] (Cyril ياكى Kyrillos، 968 - 728) خرىستىئان مىسسىئونېرى، ئالىم، سلاۋىيان ھەرپىنى ياراتقۇچى. ئىسمى كونستانتىن(Constantine). تېسسالونىكا (Thessalonica) دا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ۋىزانتىيە پادىشاھى مىكائېل Ⅲ نىڭ ئوردىسىدا تەربىيىلىنىپ، يۇنان تىلى، لاتىن تىلى، سلاۋىيان تىلى قاتارلىق كۆپلىگەن تىللارنى پىششىق ئىگىلىگەن. دىنىي ۋەزىپە بىلەن بۇلغارىيە قاتارلىق جايلارغا بارغان. كېيىن يۇنان ھەرپىدىن پايدىلىنىپ، سلاۋىيان ھەرپى (سۇرىل ئېلىپبەسى) نى ياراتقان ھەمدە بەزى خرىستىئان دىنىي ئەسەرلىرىنى سلاۋىيان تىلى (ماكېدونىيە دىئالېكتى) غا تەرجىمە قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 863-يىلى ۋىزانتىيە پادىشاھىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، ئىنىسى مېتودىئۇس بىلەن بىللە موراۋىيە (Moravia) گە بېرىپ دىن تارقىتىپ، موراۋىيە مىللىي چېركاۋىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاساس سالغان. لېكىن گېرمانىيە كاتولىك دىنى مۇرىتلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ، ئاكا-ئۇكا ئىككىسى بىدئەت دەپ ئەيىبلەنگەن. 866-يىلى پاپانىڭ چاقىرتىشى بىلەن، ئىنىسى بىلەن بىللە رىمغا كەلگەن. كېيىن كېسەل بىلەن مۇشۇ شەھەردە ئالەمدىن ئۆتكەن. 

سىرىۋىجايا

  • سىرىۋىجايا[يەشمىسى:] (Srivijaya) قىسقارتىلىپ ۋىجايا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن مىلادى Ⅶ ئەسىردە سۇماترا ئارىلىنىڭ شەرقى-جەنۇبىدا قەد كۆتۈرگەن، پايتەختى پالېمباڭ (Palembang). دەسلەپتە مالەيۇگە بېقىندى بولغان، كېين مۇستەقىل بولغان ھەمدە مالەيۇ قاتارلىق دۆلەتلەرنى بويسۇندۇرغان. Ⅷ ئەسىردە سەيلېندىرا خانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە گۈللىنىپ، قۇدرەت تېپىپ، كالىنگا بەگلىكىنى مەغلۇپ قىلىپ، ياۋا ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى، مالاي يېرىم ئارىلى بىلەن كامبودژانىڭ بەزى جايلىرىنى ئىشغال قىلىپ، قۇدرەتلىك دېڭىز ئىمپېرىيىسىگە ئايلىنىپ، جۇڭگو، ھىندىستان، ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا، قاتناش تۈگۈنىنى كونترول قىلىۋالغان. مەملىكەت ئىچىدە بايلىقى مول، سودا ئىشلىرى تەرەققىي تاپقان، مەدەنىيىتى گۈللەنگەن بولۇپ، سانسىكرت يېزىقىنى قوللانغان. بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. دەسلەپتە ھىنايانا مەزھىپىگە مەنسۇپ بولۇپ، كېيىن ماھايانا مەزھىپى ئەۋج ئېلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ بۇددا مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. 1025-يىلى جەنۇبىي ھىندىستاندىكى كولا خانلىقىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، زاۋاللىققا يۈزلەنگەن، كېيىن پايتەختنى جەمبىگە يۆتكىگەن. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مادجوپاخىت خانلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. سىرىۋىجايا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇپ، 670-يىلدىن (تاڭ سۇلالىسى شيەنفېڭ- نىڭ 1-يىلى) 1178-يىلى (سۇڭ سۇلالىسى چۈنشىنىڭ 5-يىلى) غىچە جۇڭگوغا نەچچە ئون قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق راھىبى يىجىڭ سىرىۋىجايانى زىيارەت قىلغان. 1003-يىلى (سۇڭ سۇلالىسى تيەن-پىڭنىڭ 6 -يىلى) سىرىۋىجايا خانى سىلىجۇلوۋۇنىفوما جۇڭگودىن ئىبادەتخانا مىمارچىلىقىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن ھەمدە ئىبادەتخانا نامى بىلەن قوڭغۇراقنى ئىنئام قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان. 

سىستوۋا سۈلھ شەرتنامىسى

  • سىستوۋا سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] ئاۋسترىيە بىلەن تۈركىيە ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامە. 0971 - 8871 -يىللىرى ئاۋسترىيە روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، بېلگىيىدە ئىنقىلابنىڭ پارتلىشى ۋە پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشىغا سەۋەب بولغان. ئاۋسترىيە قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، 1790-يىلى پرۇسسىيە بىلەن تۈزگەن «رېسېنباخ كېلىشىمى» گە ئاساسەن، روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىدىن چېكىنىپ چىققان ھەمدە 1791-يىل 8-ئاينىڭ 4-كۈنى سىستوۋا (Svishtov ياكى Sistova ھازىرقى بۇلغارىيىدە) دا تۈركىيە بىلەن سۈلھ شەرتنامە ئىمزالىغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، ئاۋسترىيە ئىگىلىۋالغان تۈركىيە خوجا يەرلىرىنى قايتۇرۇپ بەرگەن ھەمدە ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 

سىسموندى

  • سىسموندى[يەشمىسى:] ( Jean Charles Leonard Simonde desis mondi، 1773- 1848) شۋېتسارىيىلىك ئىقتىسادشۇناس، تارىخشۇناس. ئىقتىسادىي رومانتىزمنىڭ ئاساسچىسى، كلاسسىك سىياسىي ئىقتىسادنىڭ فرانسىيىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋەكىلى. جەنۋەدە پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. فرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئىتالىيىلەردە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، 1800-يىلى شۋېتسارىيىگە قايتىپ كەلگەن. پۈتۈن ھاياتىدا ئاساسەن ئىقتىساد ۋە تارىخ ئەسەرلىرى يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان، ئىقتىسادىي ئەسەرلىرىگە كۆپىنچە تارىخ ئامىللىرى كىرگۈزۈلگەن، تارىخ ئەسەرلىرىدە بولسا ئىقتىسادىي ئامىللارنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىيغا بولغان تەسىرىگە ئەھمىيەت بېرىلگەن. دەسلىپىدە ئادام سىمىت ئىقتىسادىي ئىدىيىسىنىڭ تەشۋىقاتچىسى بولغان؛ سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئاممىغا كەلتۈرگەن بالايىئاپەتلىرىنى ۋە ئىقتىسادىي كرىزىسلارنىڭ كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكتىن، كاپىتالىزم ۋە كلاسسىك سىياسىي ئىقتىسادنى تەنقىد قىلىدىغان بولغان. ئۇ، ئېھتىياج تەمىنلەش بىلەن ئىستېمالنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىن بۇرۇن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمالنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم؛ ئادىل بولمىغان تەقسىمات كىرىمنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ ۋە ئىستېمالنى يېتىشمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ، ئەركىن رىقابەت، ئۆز نۆۋىتىدە، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ چەكسىز ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نەتىجىدە مەھسۇلات ئىشلىتىلمەي، ئاخىر كرىزىس كېلىپ چىقىدۇ؛ دۆلەت ھاكىمىيىتى ئىقتىسادىي تۇرمۇشقا ئارىلىشىپ، خەلقنىڭ پاراۋانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇششاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈستۈنلۈك ئورۇندا تۇرغان ئىجتىمائىي تەرتىپىنى كاپالەتلەندۈرۈش لازىم، دەپ قارىغان. كاپىتالىزمنى كەسكىن تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىجتىمائىي ئىسلاھات لايىھىسى چېكىنىش خاراكتېرىدە بولغان. «سودا بايلىقى ھەققىدە»، «ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىتالىيىدىكى جۇمھۇرىيەتلەر تارىخى»، «سىياسىي ئىقتىسادنىڭ يېڭى قائىدىلىرى»، «ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار.

سىسۇتىيىلىكلەر

  • سىسۇتىيىلىكلەر[يەشمىسى:] «سكتايلار»گە قارالسۇن.

سىسېرو

  • سىسېرو[يەشمىسى:] (Marcus Tullius Cicero، مىلادىدىن ئىلگىرى 106 — 43) قەدىمكى رىم سىياسىئونى، ناتىقى ۋە پەيلاسوپى. ئارپىنۇم (Arpinum، ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا) دىكى رىتسار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا رىم، ئافىنا قاتارلىق جايلاردا قانۇن، ستىلىستىكا ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن. مىلادىدىن 70 يىل ئىلگىرى نۇتۇق سۆزلەپ سىتسىلىيىنىڭ باش ۋالىيسى ۋېررېس (Verres) نىڭ خىيانەت قىلىپ، قانۇننى بۇزغانلىقىنى پاش قىلىپ، سىياسىي سەھنىدە نامى چىققان. مىلادىدىن 63 يىل ئىلگىرى كونسۇل بولۇپ، سېناتتا كاتىلىناغا قارشى نۇتۇق سۆزلىگەن؛ سېناتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي «سۇيىقەستچىلەر» نى قوراللىق باستۇرغان. ئالدىنقى ئۈچلەر ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن كېيىن سۈرگۈن قىلىنغان (مىلادىدىن 56 يىل ئىلگىرى رىمغا قايتىپ كەلگەن). مىلادىدىن 51 يىل ئىلگىرى چىلىچىيە (Cilicia، ئوتتۇرا ئاسىيادا) نىڭ باش ۋالىيسى بولغان. كائېسار بىلەن پومپېينىڭ «ئىچكى ئۇرۇشى» مەزگىلىدە پومپېينى قوللىغان. كائېسار ھاكىممۇتلەقلىك قىلغاندا، ئېتىبارسىز قالغان. ئەمما ئەپۇ قىلىنغان. كائېسار قەتل قىلىنغان (مىلادىدىن 44 يىل ئىلگىرى) دىن كېيىن، جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بېرىلىپ، ئارقا-ئارقىدىن ئانتونىغا قارشى نۇتۇق سۆزلەپ، سېناتتا باش ئورۇنغا ئىگە بولغان. كېيىنكى ئۈچلەر ئىتتىپاقى قۇرۇلغان (مىلادىدىن 43 يىل ئىلگىرى) دىن كېيىن، ئانتونىنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ئۆلتۈرۈۋەتكەن. كۆپ خىل ئەسەرلىرى بار. ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان نۇتۇقلىرى 50 پارچىدىن ئارتۇق (ئاسا- سىي مەزمۇنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك). ئىدېئالىستىك پەلسەپە جەھەتتە (ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ تەبىرى توغرىسىدا)، «ئىلاھنىڭ تەبىئىتى توغرىسىدا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار، تەربىيىلىنىش توغرىسىدىكى ئەسەرلىرىدىن «قېرىلىق ھەققىدە»، «دوستلۇق ھەققىدە» قاتارلىقلار بار؛ ئاكادېمىكلار (Academici) ۋە ستوئىكولارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، كېلىشتۈرمىچىلىك تۈسىنى ئېلىپ، پەقەت يۇنان پەلسەپىسىنى ئاممىباپلاشتۇرۇش جەھەتتىلا مەلۇم تۆھپە قوشقان. يەنە «دۆلەت توغرىسىدا»، «قانۇن توغرىسىدا» قاتارلىق سىياسىي ماقالىلىرى بار ھەمدە كۆپلىگەن خەت-چەكلىرى ساقلىنىپ قالغان. قەلىمى راۋان ۋە گۈزەل بولۇپ، كېيىنكىلەر لاتىن ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىسى دەپ نام بەرگەن. 

سىففىن جېڭى

  • سىففىن جېڭى[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇش. ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، پەيغەمبەر مۇھەممەدنىڭ كۈيئوغل-ى ھەزرىتى ئەلى خەلىپىلىككە سايلانغان، ئەمما ئوسمان قەبىلىسىدىن چىققان سۈرىيە باش ۋالىيسى مۇئاۋىيىنىڭ قارشى چىقىشىغا ئۇچرىغان. مۇئاۋىيە خەلىپىلىكنى تارتىۋېلىش غەرىزىدە بولۇپ، ھەزرىتى ئەلىنى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن چېتىشلىقى بار، دەپ قارىغان ھەمدە ئۇنىڭدىن قاتىلنى سوراق قىلىشقا تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەلى لەشكەر تارتىپ جازا يۈرۈشى قىلغان. ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇنى مىلادى 657-يىلى سۈرىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا، ئېفرات دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى سىففىن (Siffin) تۈزلەڭلىكىدە ئۇچراشقان. بىرقانچە ھەپتە تىركەشكەندىن كېيىن، 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ھەل قىلغۇچ جەڭ ئېلىپ بېرىلغان. ئەلى غەلىبە قازىنىش ئالدىدا تۇرغاندا، مۇئاۋىيە لەشكەرلىرىگە «قۇرئان» نى نەيزە ئۇچىغا تېڭىپ ئېگىز كۆتۈرۈشنى بۇيرۇپ، «قۇرئان» ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان. ھەزرىتى ئەلى بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلغان، ئىككى تەرەپ ئۇرۇشنى توختىتىپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ھەزرىتى ئەلىنىڭ بۇ ھەرىكىتى شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۆلۈنگۈچىلەر خاۋارىجلار بولۇپ ئۇيۇشقان. 

سىكوپاس

  • سىكوپاس[يەشمىسى:] (Scopas ياكى Skopas، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىر) قەدىمكى يۇنانلىق ھەيكەلتىراش، ئارخېتىكتور. ئېگېي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى پاروس(Paros) ئارىلىدا سەنئەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئىجادىيەت ۋاقتى تەخمىنەن مىلادىدىن 394 - 351 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا بولۇپ، پراكىستېلېس بىلەن زامانداش، بەلكى ئۇنىڭدىن چوڭراق بولۇپ، ھەر ئىككىسى يۇناننىڭ كېيىنكى دەۋرىدىكى (پېلوپوننېس Peloponnese ئۇرۇشىدىن كېيىنكى) ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتىنىڭ نامايەندىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دەسلەپكى چاغلىرىدا ئاركادىيە (جەنۇبىي يۇن-ان) نىڭ تېگىيە (Tegea) دېگەن يېرىدىكى ئافىنا ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان. كېيىنكى چاغلاردا كىچىك ئاسىيا كارىيە (Karia ) رايونىنىڭ ھالىكارناسسوس (Halikarnassos) شەھىرىدىكى مائۇسولوم مەقبەرى (Mausoleum، قەدىمكى دۇنيادىكى يەتتە چوڭ ئاجايىباتنىڭ بىرى) نىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ قاپارتما ئويمىچىلىق ئىشىغا (ئوتتۇرا ماڭلاينى بېزەشكە) قاتناشقان. يەنە بىر ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ يەنە كىچىك ئاسىيانىڭ ئېپسوس دېگەن يېرىدىكى ئارتېمىس ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغىمۇ قاتناشقان. سىكوپاس يۇنانلاشتۇرۇش دەۋرىدىكى سەنئەتچىلەرنىڭ پېشۋاسى. ئۇنىڭ ئايرىم ئەسەرلىرى رىم دەۋرىدە ساقلانغان بولسىمۇ، كېيىن يوقىلىپ كەتكەن. پەقەت بىرلا «كالۇدوننىڭ ياۋا توڭگۇزى» (ھازىر ئافىنا دۆلەت ئارخېئولوگىيە مۇزېيىدا) ساقلانغان بولۇپ، ئېيتىلىشىچە سىكوپاسنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەسىرى ئىكەن. 

سىكىنگېن

  • سىكىنگېن[يەشمىسى:] (Franz Von Sickingen، 3251-1841) 1522-، 1523-يىللىرىدىكى گېرمانىيە رىتسارلار توپىلىڭىنىڭ سەردارى. رىتسارلىقتىن كېلىپ چىققان. 1519-يىلى چارلېس Ⅴ نىڭ مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى بولۇپ سايلىنىشىغا ھەمكارلاشقان. 1520-يىلى گېرمانىيە گۇمانىزمچىسى ھۇتتېننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، دىنىي ئىسلاھاتنى قوللاپ، گېرمانىيىنىڭ پارچىلىنىش ھالىتىنى تۈگىتىشكە ئۇرۇنۇپ، ئىمپېراتور باشچىلىقىدىكى رىتسارلارنى تايانچ قىلغان، بىرلىككە كەلگەن پادىشاھلىق دۆلەت قۇرۇشقا تىرىشقان. 1522-يىلى رېين، شىۋابىيە، فرانكونىيە رىتسارلار ئىتتىپاقىنى قۇرغان ھەمدە شۇ يىلى 9-ئايدا 6-7 مىڭ كىشىلىك توپىلاڭ ئۇيۇشتۇرۇپ، ترېئر(Trier، گېرمانىيىنىڭ رېينلاند پفالتىس شتاتىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە)دىكى ئارخىئېپىسكوپقا قارشى چىققان. بىراق دېھقانلار بىلەن شەھەر ئاھالىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن مەغلۇپ بولۇپ، 1523-يىلى 5-ئايدا يارىلىنىپ ئۆلگەن. 

سىگىسمۇند

  • سىگىسمۇند[يەشمىسى:] (Sigismund، تەخمىنەن 7341 - 8631) ۋېنگرىيە كورۇلى (7341 - 7831)؛ چېخ كورۇلى(1419- 1421، 7341 - 6341)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ليۇكمسېمبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى (7341 - 1141، 1433-يىلى تاج كىيگەن). ياش ۋاقتىدا ۋېنگرىيە كورۇلى لۇئىنىڭ قىزى، تەخت ۋارىسى مارىيەنى ئەمرىگە ئالغانلىقتىن، ۋېنگرىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگىمۇ ۋارىسلىق قىلغان. 1396 -يىلى گېرمانىيە، ۋېنگرىيە، چېخ، بۇلغارىيە، فرانسىيە ۋە ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى باشلاپ، بايازېد Ⅰ باشچىلىقىدىكى تۈركىيە قوشۇنى بىلەن نىكوپول (Nikopol، ھازىرقى بۇلغارىيىنىڭ شىمالى) دا ئۇرۇش قىلىپ، بىرلەشمە ئارمىيە مەغلۇپ بولۇپ، ئۆزى ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان. 1415-يىلى كونستانتىس دىنىي يىغىنىدا چېخ ۋەتەنپەرۋەرى خۇسقا زىيانكەشلىك قىلىشقا قاتناشقان. كېيىن يەنە پاپا بىلەن بىللە 1341 - 0241-يىللىرى بەش قېتىم ئەھلىسەلىپ تەشكىللەپ خۇس ھەرىكىتىنى باستۇرغان.

سېلسىيە توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى قوزغىلىڭى

  • سېلسىيە توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] دەسلەپكى مەزگىلدىكى گېرمانىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ستېخىيىلىك ئاممىۋى قوزغىلىڭى. 1844-يىل 6-ئاينىڭ 4-، 6-كۈنلىرى سېلسىيە چېگرىسى ئىچىدىكى پېتېر سۋالدۇ (Peterswaldau) ۋە لانگېنبېلائۇ (Langen bielau) قاتارلىق تاغلىق كەنتتىكى توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى ھۆددىگەر سودىگەر ۋە كاپىتالىست-لارنىڭ دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيىسىگە چىدىماي، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭچىلار زاۋۇت ئىگىلىرىنىڭ ئۆي-جايلىرى، زاۋۇت ئۆيلىرى ۋە ماشىنىلارنى ۋەيران قىلىپ، ھۈججەت ۋە ھېسابات دەپتەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ، يەرلىك قوشۇن بىلەن قانلىق جەڭ قىلىپ، قوزغىلاڭچىلاردىن 11 كىشى قۇربان بولغان، 24 كىشى ئېغىر يارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن كۈرەشنى يەنىلا داۋاملاشتۇرغان، پرۇسسىيە ھۆكۈمىتى زور قوشۇن يۆتكەپ كەلگەندىلا قوزغىلاڭ ئاخىر باستۇرۇلغان. 70 تىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنغان. بۇ، گېرمانىيىدىكى ئىشچىلار سىنىپى بىلەن بۇرژۇئازىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق زور ئېلىشىش بولۇپ، گېرمانىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مۇستەقىل سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

سىلدې

  • سىلدې[يەشمىسى:] (Vere Gordon Childe، 7591 - 2981) ئەنگلىيىلىك ئارخېئولوگ. ئاۋسترالىيىدىكى سىدنېيدا تۇغۇلغان. سىدنېي داشۆسى ۋە ئوكسفورد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 6491 - 7291-يىللىرى ئېدىنبۇرگ داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 6591 - 6491-يىللىرى لوندون داشۆ ئارخېئولوگىيە شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى، قوشۇمچە مۇدىرى بولغان. پۈتۈن ھاياتىنى ياۋروپا ۋە يېقىن شەرق رايونىنىڭ تارىختىن بۇرۇنقى تارىخى ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتىغا بېغىشلاپ، زور تۆھپە ياراتقان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ، ئاساسلىقى «ئادەم ئۆزىنى ئۆزى ياراتقان»، «شوتلاندىيىنىڭ تارىختىن بۇرۇنقى تارىخى»، «ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ تاڭ نۇرى»، «ياۋروپا جەمئىيىتىنىڭ ئېرادىن بۇرۇنقى تارىخى»، «تەرەققىيات ۋە ئارخېئولوگىيە»، «قەدىمكى زامان شەرق تارىخى ئۈستىدىكى يېڭى كەشپىيات» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

سىلسىيە ئۇرۇشى

  • سىلسىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] پرۇسسىيە سىلسىيىنى تالىشىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇش. 1740-يىلى پرۇسسىيە ئاۋسترىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى ئىتتىپاققا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ باي سانائەت شەھىرى — سىلسىيىنى ئىگىلىۋېلىپ، بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇش (2471 - 0471) نى قوزغاپ، ئاۋسترىيىنى يەڭگەن. 1742-يىلى ئۆز ئالدىغا ئاۋسترىيە بىلەن مەخپىي سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاپ، ئاۋسترىيىنى تۆۋەن سىلسىيىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن پرۇسسىيە يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ يۇقىرى سىلسىيىنى قوشۇپ ئېلىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئاۋسترىيە رەت قىلىپ، ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇش (5471 - 1471) پارتلاپ، ئاۋسترىيە يەنە بىر قېتىم يېڭىلگەن. 1745-يىلى «درېزدىن سۈلھ شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ، پرۇسسىيە مارىيە تېرېسانىڭ ئاۋسترىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختگە ۋارىسلىق قىلىشنى ئېتىراپ قىلىش شەرتى بەدىلىگە پۈتكۈل سىلسىيىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان. 1748-يىلى «ئاخېن سۈلھ شەرتنامىسى» دا مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. 

سىللا

  • سىللا[يەشمىسى:] چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى قەدىمكى دۆلەت. چىن خەننىڭ 12 قەبىلىسىدىكى سىلو قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا پېشۋاسى پياۋخىجويىشى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 57-يىلى سىلو ئالتە كەنتى تەرىپىدىن جۈيىشىگەنلىككە كۆرسىتىلىپ، دۆلەت قۇرغان، چىڭجۇنى پايتەخت قىلغان. ئاندىن بارا-بارا چىن-خەن قەبىلىلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، زېمىنىنى كېڭەيتكەن. مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىپ، كوگۇريو، پېكچى بىلەن تىركىشىپ تۇرغان، ئۆزئارا ئۈستۈنلۈك تالاشقان. بۇ تارىختا ئۈچ بەگلىك دەۋرى دەپ ئاتالغان. ئاقسۆڭەكلەر ئىچىدە ۋارىسلىق قىلىدىغان سالاھىيەت دەرىجە تۈزۈمى يەنى قانداشلىق بويىچە مەرتىۋە بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشى (ئۇرۇقداشلىق ئاساسىدىكى جەمەت باشلىقلىرى كېڭىشى) دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى بەلگىلىگەن ۋە پادىشاھنى كۆرسەتكەن. Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا كوگۇريو ۋاڭى گۇاڭگەيتۇ بىلەن بىرلىشىپ، ياپونىيە ياماتو دۆلىتىنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنى قوغلاپ چىقارغان. 532 يىلى جالونى قوشۇۋالغان. پادىشاھ جىڭشىڭ دەۋرىدە، زېمىنىنى كېڭەيتىپ، پېكچى بىلەن بىرلىشىپ، شىمالدا كوگۇريوغا قارشى تۇرغان. 551-يىلى جۇلېڭنىڭ شىمالىدىكى ئون ۋىلايەتنى ئالغان. ئىككىنچى يىلى پېكچىنىڭ كوگۇريودىن تارتىۋالغان خەنجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى ئالتە ۋىلايەتنى ئالغان. 554-يىلى پېكچىنىڭ ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلىپ، پادىشاھ شىڭمىڭنى ئۆلتۈرگەن. ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقى بۇزۇلغان. 556-يىلى يەنە شەرقىي دېڭىز ياقىسىنى بويلاپ شىمالغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئۆز زېمىنىنى مويۇنلېڭغىچە كېڭەيتكەن. 562-يىلى چوڭ جايېنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. ئىچكى جەھەتتە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. يىگىتلەر ئۆمىكىنى تەشكىللەپ، ئىختىساسلىق خادىملارنى تاللاش يولىنى تۇتقان. تەيزوڭ ۋۇلې ۋاڭ، ۋىنۋۇۋاڭ زامانلىرىدا، جۇڭگو تاڭ سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ، كوگۇريو ۋە ياپونىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن پېكچى ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاق بىلەن قارشىلاشقان. 660-يىلى پېكچىنى يوقاتقان، 668-يىلى كوگۇريونى يوقاتقان. 676-076-يىللىرى پېكچىنىڭ كونا يېرىنى ۋە كوگۇريونىڭ داتۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى كونا يەرلىرىنىمۇ ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. Ⅷ ئەسىردىن كېيىن، پادىشاھ جەمەتىدىكىلەر ھاكىمىيەتنى تالىشىپ كۆپ قېتىم ماجىرا بولۇپ، مۇقىم سىياسىي ۋەزىيەت بۇزۇلغان. فېئودااللىق ئېكسپىلاتاتسىيە كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاشقان. خەلق نامراتلىشىپ، ھەرقايسى ئايماق-ۋىلايەتلەر تارتۇق-سېلىق تاپشۇرۇشقا ئۇنىمىغان. ئايال شاھ جېن شىڭ (798-788-يىللار تەختتە ئولتۇرغان) تارتۇق-سېلىق ئېلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، مەملىكەت بويىچە دېھقانلار قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىققان، 889-يىلى لياڭ جى بېيۇەن شياۋجىڭنى (ھازىرقى جياڭيۇەنداۋيۇەن ئوبلاستى) ئىگىلەپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، قوزغىلاڭنىڭ ھەيۋىسى ناھايىتى زور بولغان؛ 896-يىلى غەربىي جەنۇب رايونىدا قىزىل ئىشتانلىقلار قوزغىلىڭى پارتلاپ، جىڭجۇ ئەتراپىغىچە يېتىپ كەلگەچكە ئايال پادىشاھ جېن شىڭ تەختنى بوشىتىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە جايلاردىكى زومىگەرلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەپرىقچىلىق قىلىپ، Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گوڭيىدىكى موجېن (918-يىلى ئۇنىڭ ئورنىغا ۋاڭ جيەن چىقىپ، نامىنى كورىيىگە ئۆزگەرتكەن) جېنشۇەندىكى كېيىنكى پېكچى ۋە سىللانىڭ تىركىشىپ تۇرغان تەپرىقىچىلىق ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، تارىختا كېيىنكى ئۈچ پادىشاھلىق دەپ ئاتالغان. 935-يىلى، پادىشاھ جىڭ شۇن ۋاڭ جيەنگە تەسلىم بولۇپ، سىللا مۇنقەرز بولغان. سىللا تاڭ سۇلالىسى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى قويۇق بولغان. 

سىللانپا

  • سىللانپا[يەشمىسى:] (Frans Eemil Sillanpaa، 4691 - 8881) فىنلاندىيىلىك يازغۇچى. نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. خېلسىنكى ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىئولوگىيە ئوقۇپ، ئۇزاق ئۆتمەي ئوقۇشتىن توختاپ، نەشرىياتچىلىق خىزمىتىگە قاتناشقان. كېيىن مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1926-يىلى پروفېسسور بولغان. ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە يېزا تۇرمۇشى ۋە تەبىئەت مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن. 1916-يىلى «ھاياتتىكى قۇياش» دېگەن ياشلارنىڭ مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن تۇنجى ھېكايىسىنى نەشىر قىلدۇرغان، ئاساسلىق ئەسەرلىرى 1918-يىلدىكى ئىچكى ئۇرۇش داۋامىدىكى ھېكايىلەر تەسۋىرلەنگەن «دېدەك سىرىيە»، «ئىتائەتچان ئەنئەنە» ۋە 1940-يىلى سېنارىيىلەشتۈرۈلگەن «بىر ئادەمنىڭ رولى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 1939-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان.

سىلۋا

  • سىلۋا[يەشمىسى:] (Jose Asuncion Silva، 6981 - 5681) كولومبىيىلىك شائىر. كىچىك سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 6981 - 3881-يىللىرى ياۋروپادا تۇرۇپ، ياۋروپادىكى گۈزەلچىلىك ۋە سىمۋولچىلىق ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ۋېنېسۇئېلادا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىك ئەمەلدار بولغان، كېيىن پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى سەۋەبىدىن شېئىر ئورىگىناللىرى يوقاپ كېتىش ۋە تىجارەت قىلىۋاتقان سودا دۇكىنى سۇنۇپ كېتىش سەۋەبى بىلەن، ساقسىز بولۇپ ۋە روھىي جەھەتتىن مەيۈسلىنىپ، 31 يېشىدا ئۆلۈۋالغان. ئۇ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئاخىرقى رومانتىزمچى ۋە تۇنجى سىمۋولىزمچى شائىر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مۇزىكىلىق، لىرىكىلىق خاراكتېرگە ۋە ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىغا ئىگە. ئۇنىڭ «كېچىدىكى ئۈچىنچى مۇزىكا»، «گۇگۇم»، «سېن خۇئاننىڭ كېمىسى»، «قېرىلىق» ۋە «روھىي كېسەل» قاتارلىق شېئىرلىرى بار.

سىلۋاشاۋيېر

  • سىلۋاشاۋيېر[يەشمىسى:] (Joaquin Joseda silva Xavier، 1748 - 1792) برازىلىيە مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى. لەقىمى «چىش تارتقۇچى» (Tiradentes). چىش دوختۇرى. تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېر بولغان. 1788-يىلى مىناس جېرائىس شتاتىدا پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوراللىق مەخپىي تەشكىلاتقا رەھبەرلىك قىلغان. مىللىي مۇستەقىللىك، جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ۋە قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1789-يىلى خائىننىڭ ئاشكارىلاپ قويۇشى بىلەن قولغا ئېلىنغان ھەمدە 1792-يىلى 4-ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ تولىسى سۈرگۈن قىلىنىپ، ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغان. كېيىن ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، رىئودې-ژانېيرودىكى پارلامېنت بىناسىغا «چىش تارتقۇچى سارىيى» دەپ نام بېرىلگەن. «چىش تارتقۇچىلار قوزغىلىڭى»غا قاراڭ.

سىلېشېير

  • سىلېشېير[يەشمىسى:] (Kurt von Schleicher، 4391 - 2881) گېرمانىيە ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى (3391 - 2391). پرۇسسىيىدە ئوفىتسېر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش چېغىدا تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېر سالاھىيىتى بىلەن ئارمىيىگە قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گازارما ناچالنىكى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيە ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى مەخپىي ساقلاش ۋە قايتا رەتلەشكە ئاكتىپ قاتناشقان. زۇڭتۇڭ ھىندېنبۇرگ بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ برۇننگ ۋە پاپېننىڭ كابىنېت تەشكىللىشىنى قوللىغان. 1932-يىلى 12-ئايدا زۇڭلىلىققا تەيىنلەنگەن. 1933-يىلى 1-ئايدا ناتسىستلار تەختگە چىققاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن چېكىنىپ، يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن. 1934-يىلى 6-ئايدا گىتلېر قوزغىغان «قانلىق تازىلاش» تا ئۆلتۈرۈلگەن. 

سىلىقلانغان تاش قورال

  • سىلىقلانغان تاش قورال[يەشمىسى:] ئارخېئولوگىيىلىك ئاتالغۇ. ئۇ يۈزى سىلىقلانغان تاش قورالنى كۆرسىتىدۇ. ئالدى بىلەن تاش ماتېرىيال لايىق شەكىلگە كەلتۈرۈلىدۇ، ئاندىن بىلەي تاشقا سۈركىلىپ پىششىقلاپ چىقىلىدۇ. ئومۇمەن پارچىلاش، سوقۇش، چوقۇش، سىلىقلاش قاتارلىق ئىش تەرتىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئادەتتە پالتا، بىگەن، ئىسكىنە، پىچاق، ئورغاق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرىدە قىسمەن سىلىقلانغان تاش قوراللار مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان، يېڭى تاش قورال دەۋرىدە پۈتۈنلەي سىلىقلانغان تاش قورال كەڭ قوللىنىلغان، برونزا قورال دەۋرىگە بارغاندىمۇ بۇ خىل تاش قورال داۋاملىق ئىشلىتىلگەن. 

سىلىندىرسىمان تامغا

  • سىلىندىرسىمان تامغا[يەشمىسى:] سۇمېر تامغىسى. ئۇرۇكنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان. كېيىن مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىلا ئەمەس، بەلكى شىد، ئېلام، پېرسىيە قاتارلىق جايلاردىمۇ كەڭ قوللىنىلغان. سىلىندىرسىمان تاش (ھاك تاش، تالىك، ھېقىق، ئۇيۇلتاش، قارا تاش قاتارلىقلار) ۋە قۇلۇلە قېپى، ئەينەك قاتارلىق ماتېرىياللارغا گېئومېترىك سىزىقلار، ھايۋاناتلار، دىنىي پائالىيەتلەر، رىۋايەتلەر سىلىندىر يۈزىگە ئويۇلۇپ، باسىدىغان چاغدا تامغا لاي تاختىسىنىڭ ئۈستىگە تۈز قويۇلۇپ، دومىلىتىپ ئىزى چىقىرىلغان. بۇنداق تامغىدا ئوبراز ئاساس، خەت قوشۇمچە قىلىنغان. ئۇ ئىنتايىن نەپىس ئىشلەنگەن بولۇپ، سۇمېرلارنىڭ ئېسىل سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ بىرى دەپ قارالغان. 

سىمخالا دۆلىتى

  • سىمخالا دۆلىتى[يەشمىسى:] (Simhala) قەدىمكى دۆلەت نامى. جۇڭگو قەدىمكى زاماندا سرىلانكىنى مۇشۇنداق ئاتىغان. «دارما پاترا تەزكىرىسى» ۋە «سۇڭنامە»، «لياڭنامە»، «كونا تاڭنامە» ۋە «يېڭى تاڭنامە» دە ئۇچرايدۇ. «ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى» دە «شىنخالې»، «يۇەن سۇلالىسى تارىخى» دا «سىمخالا» دېيىلگەن. 

سىمون تەكشۈرۈش ئۆمىكى

  • سىمون تەكشۈرۈش ئۆمىكى[يەشمىسى:] سىمون كومىتېتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھىندىستانغا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن تەكشۈرۈش ئۆمىكى. تۆۋەن پالاتانىڭ سەككىز نەپەر ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، سىمون (John Simon، 4591 - 3781) ئۆمەك باشلىقى بولغان. ۋەزىپىسى باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئۈنۈمى، مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستان ۋەكىللەر ئورگانلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ھەمدە جاۋابكارلىق تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋە يەرلىك قانۇن چىقارغۇچى ئورگانلاردا تۆۋەن پالاتا تەسىس قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت. 1927-ۋە 1928-يىللىرى ئىككى قېتىم ھىندىستانغا بارغان، بۇ ئۆمەككە ھىندىستانلىق قاتناشمىغانلىقتىن، ھىندىستاندىكى ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىغان ھەمدە ھىندىستان خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1930-يىلى دوكلاتنامە ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ كېيىنكى ئەنگلىيە-ھىندىستان لوندون يۇمىلاق جوزا يىغىنى مۇھاكىمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولغان. 

سىموندس

  • سىموندس[يەشمىسى:] (John Addington Symonds، 3981 - 0481) ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس. 1860-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېرېئول ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، ئىككى يىلدىن كېيىن مودېلىن ئىنستىتۇتىنىڭ ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، قانۇن تەتقىقاتىنى باشلىغان، كېيىن ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللانغان. سالامەتلىكى ناچار بولغانلىقتىن ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كۆپ قېتىم ساياھەت قىلغان. 1877-يىلى شۋېتسارىيىنىڭ تاغلىق رايونىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئارىلىقتا دائىم ئىتالىيىگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ تۇرغان. يەتتە توملۇق «ئىتالىيىدە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى» دېگەن ئاساسلىق ئەسىرى بولۇپ، 6781 - 5781-يىللىرى نەشىر قىلىنغان. بۇ ئەسەرنىڭ ماتېرىيالى مول، مەزمۇنى كەڭ ۋە چوڭقۇر، نۇقتىئىنەزەرى يېڭىچە بولۇپ، ئۇ، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى توغرىسىدا بوكىخاتنىڭ «ئىتالىيە ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى مەدەنىيەت» دېگەن ئەسىرىدىن كېيىنكى يەنە بىر مۇھىم ئەسەر، دەپ ئاتالغان. يەنە دانتې، مىكېلانگې-لو، بوككاسسىئو (Boccaccio)، شېكېسپېر، ۋىتمان قاتارلىق مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى ھەمدە بىرمۇنچە شېئىرلار توپلىمىنى يېزىپ چىققان. 

سىمون دې مونتفورت

  • سىمون دې مونتفورت[يەشمىسى:] (Simonde Montfort، تەخمىنەن 1208 - 1265) ئەنگلىيە ئاقسۆڭەكلىرى داھىيسى. فرانسىيىنىڭ نورماندىيە رايونىدا تۇغۇلغان. تەخمىنەن 1230-يىلى ئەنگلىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1238-يىلى ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىي Ⅲ نىڭ سىڭلىسى ئېلېنو بىلەن توي قىلغان. 1239-يىلى لېسېتېر (Leicester، ئەنگلىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا) نىڭ گرافلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان. 1258-يىلى ئاقسۆڭەك ئۆكتىچىلەر گۇرۇھى بىلەن بىرلىشىپ، ھېنرىي Ⅲ نى كورۇل ھوقۇقىغا چەك قويىدىغان «ئوكسفورد نىزامى» نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ، ئۆزى «15 كىشىلىك يىغىن» غا سايلانغان. 1263-يىلى ئەنگلىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغان. 1264-يىل 5-ئاينىڭ 14-كۈنى لېۋېس (Lewes، ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بويىدا) ئۇرۇشىدا كورۇل قوشۇنى-نى تارمار قىلىپ، ھېنرىي Ⅲ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئېدۋاردنى ئەسىر ئېلىپ، ئۆزى ئەنگلىيىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان. 1265-يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈن-ى كورۇل نامى بىلەن لوندوندا يىغىن چاقىرغان، يىغىنغا كاتولىك دىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مىسسىئونېرلىرى (120 كىشى) ۋە دەھرىي ئاقسۆڭەكلىرىلا (23 كىشى) قاتنىشىپ قالماستىن، بەلكى رىتسارلار (ھەربىر ۋىلايەتتىن ئىككى كىشى) ۋە شەھەر پۇقرالىرى (ھەربىر ئاپتونومىيە شەھىرىدىن ئىككى كىشى) نىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان، بۇ، ئەنگلىيە فېئوداللىق تەبىقىلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنى يەنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ باشلىنىشى بولغان. شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئەسىرلەر لاگىرىدىن قېچىپ چىققان ئېدۋارد قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 

سىمونوۋ

  • سىمونوۋ[يەشمىسى:] (Константин Михайлович Симонов، 9791 - 5191) سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى. كونا ئوفىتسېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قىرغۇچى ئىشچى بولغان. 1934-يىلى سوۋېت يازغۇچىلار جەمئىيىتى قارىمىقىدىكى گوركىي ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. شۇ يىلى تۇنجى شېئىرلىرىنى ئېلان قىلغان. 1941-يىلى «شەھىرىمىزدىكى بىر ئۆسمۈر» دېگەن درامىنى يېزىپ نامى چىققان. ئىككىنچى يىلى سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) گە كىرگەن. فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، «قىزىل يۇلتۇز گېزىتى» نىڭ ئۇرۇش مەيدانى مۇخبىرى بولۇپ، «بىللە بولغان ۋە بىللە بولمىغان چاغلىرىمىز»، «ئۇرۇش» دېگەن شېئىر توپلاملىرىنى، «كۈنلەر ۋە تۈنلەر» دېگەن پوۋېستنى يېزىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ گېرمانىيە فاشىزمىغا قارشى تۇرۇشتىكى باتۇرانە كۈرەشلىرىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن، سوۋېت يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ سېكرىتارى بولغان، سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزالىقى (1952 - 1956) غا سايلانغان. يەنە «روسىيە مەسىلىسى» دېگەن دراما، «ۋەتەننىڭ ئىس-تۈتەكلىرى» دېگەن پوۋېست، «دوستلار ۋە دۈشمەنلەر» دېگەن شېئىرلار توپلىمى قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

سىممېرۋالد يىغىنى

  • سىممېرۋالد يىغىنى[يەشمىسى:] 1915-يىل 9-ئاينىڭ 5-، 8-كۈنلىرى شۋېتسارىيىنىڭ سىممېرۋالد (Zimmerwald) دېگەن يېزىسىدا ئېچىلغان خەلقئارا سوتسىيالىستلار پارتىيىلىرىنىڭ تۇنجى قۇرۇلتىيى. روسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ تەشەببۇسى ئارقىسىدا، روسىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى 11 دۆلەتنىڭ 38 نەپەر ۋەكىلى قاتناشقان. قۇرۇلتايدا، لېنىن باشچىلىقىدىكى سولچى ئىنتېرناتسىئونالىزمچى (پەقەت سەككىز نەپەر) بىلەن ۋەكىللەرنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگىلىگەن بىتەرەپ كائۇتسكىچىلار ئوتتۇرىسىدا كەسكىن كۈرەش بولغان. قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان خىتابنامىدە، شۇ چاغدا بولۇۋاتقان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ جاھانگىرلىك ماھىيىتى كۆرسىتىپ بېرىلىپ، ئاغمىچىلارنىڭ «بازىل خىتابنامىسى» دىن يۈز ئۆرۈپ، ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن خىراجەت ئاجرىتىشنى قوللاپ ئاۋاز بېرىش ۋە بۇرژۇئا ھۆكۈمىتىگە قاتنىشىشتەك قىلمىشى ئەيىبلىنىپ، ياۋروپا پرولېتارىياتىنى جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشقا چاقىرغان. خىتابنامە ئاغمىچىلار ۋە سوتسىيال شوۋىنىزمدىن چەك-چېگرىنى ئاجرىتىش جەھەتتە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن. لېكىن ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال پارتىيىلىرىنىڭ ئاسىيلىقىنى بىۋاسىتە ئېچىپ تاشلىمىغان، بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلاندۇرۇش توغرىسىدىكى ئىنقىلابىي پرىنسىپلارنى قوبۇل قىلمىغان. مۇشۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن سولچىلار خىتابنامىگە ئىمزا قويغان بولسىمۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتابنامىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ھەمدە لېنىن 8-ئايدا يېزىپ پۈتتۈرگەن «سوتسىيالىزم ۋە ئۇرۇش» دېگەن ماقالىنى تارقاتقان. لېنىننىڭ ھەرقايسى ئەل ماركسىزمچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، سىممېرۋالد سولچىلىرىنى تەشكىللەپ، ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرۇش ئۈچۈن تەشكىلىي ئاساس سېلىپ بەرگەنلىكى قۇرۇلتاينىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سىمېدلى

  • سىمېدلى[يەشمىسى:] (Agnes Smedly، 0591 - 0981) ئامېرىكىلىق ئايال يازغۇچى، ئاخبارات مۇخبىرى. ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاتىدا مەدىكار، تاماكا فابرىكىسىنىڭ ئىشچىسى، گېزىت-ژۇرنال ساتقۇچى بولغان. 1918-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1919-يىلدىن باشلاپ گېرمانىيىدە مۇھاجىر بولۇپ ئولتۇرغان. 1929-يىلى گېرمانىيىنىڭ «فرانكفۇرت گېزىتى» نىڭ ئالاھىدە مۇخبىرى سۈپىتىدە جۇڭگوغا كەلگەن. 1930-يىلى شاڭخەيدە لۇشۈن، ماۋدۇن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ، جۇڭگونىڭ ئىلغار مەدەنىيەت ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1933-يىلى جۇڭگو توغرىسىدىكى بىرىنچى كىتابى «جۇڭگولۇقلارنىڭ تەقدىرى» نى ئېلان قىلغان. كېيىن يەنە «جۇڭگو قىزىل ئارمىيىسى ئىلگىرىلىمەكتە» نى ئېلان قىلغان. ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن يەنئەن، شىئەنلەرگە بېرىپ ئالدىنقى سەپ مۇخبىرى بولغان ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئىشلىگەن. 1941-يىلى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئامېرىكىغا قايتىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. 1949-يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ، كېيىنكى يىلى كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. جەسەت كۈلى ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە بىنائەن جۇڭگوغا يۆتكەپ دەپنە قىلىنغان. سىمېدلىنىڭ ئاپتوبىئوگرافىك ئەسىرى «زېمىن قىزى»، جۇدېنىڭ تەرجىمىھالى «ئۇلۇغ يول» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

سىمىس

  • سىمىس[يەشمىسى:] (Walter Bedell Smith، 1691 - 5981) ئامېرىكىلىق گېنېرال. 1910-يىلى ئىندىئانا شتاتى خەلق مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىگە قاتناشقان. 1918-يىلى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1943-يىلى گېنېرال لېيتېنانت بولغان. 5491 - 2491-يىللىرى گېنېرال ئېيزېنخاۋېرنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. ئامېرىكا ئارمىيىسىگە ۋەكالىتەن ئىتالىيە (1943) بىلەن گېرمانىيە (1945) نىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلغان. 9491-6491-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان، 3591 - 0591-يىللىرى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان، 4591 - 3591-يىللىرى مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان. ئۇنىڭ «مېنىڭ موسكۋادا ئۆتكەن ئۈچ يىلىم»، «ئېيزېنخا- ۋېرنىڭ ئالتە چوڭ ھەل قىلغۇچ سىياسىتى: ياۋروپا 5491 - 4491-يىللاردا» دېگەن ئەسەرلىرى بار.

سىمىس قانۇنى

  • سىمىس قانۇنى[يەشمىسى:] ئامېرىكىنىڭ «1940-يىلىدىكى مۇھاجىرلارنى تىزىملاش قانۇنى». 1940-يىلى 6-ئايدا ئامېرىكا پارلامېنتى «فاشىستىك تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەش» نى باھانە قىلىپ بۇ قانۇننى ماقۇللىغان. ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى سىمىس بۇ قانۇنغا قوشۇمچە ماددىلارنى قوشۇشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. قانۇندا: ئومۇمەن زورلۇق كۈچ بىلەن ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، ئۇيۇشتۇرغان ياكى مۇشۇنداق قىلىشقا كۈشكۈرتكەن، قاتناشقان، ھەمكارلاشقان كىشىلەرگە ۋە ياكى مۇشۇنداق مەقسەتتىكى تەشكىلاتلارنى قۇرغۇچىلارغا ئون يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 10 مىڭ دوللار جەرىمانە قويۇلىدۇ، ياكى ھەر ئىككىلا جازا تەڭ بېرىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. يەنە: ئومۇمەن چەت ئەلدە تۇغۇلۇپ تېخى ئامېرىكا پۇقرالىقى ھوقۇقىغا ئېرىشمىگەنلەر ئامېرىكىغا سادىقلىقنى بىلدۈرىدىغان تىزىملاش جەدۋىلىگە تىزىملىتىشى ۋە بارمىقىنى بېسىشى لازىم، دەپ بەلگىلەنگەن. 1946-يىلى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» باشلانغاندىن كېيىن، بۇ قانۇن كۆپىنچە ئامېرىكا كوممۇنىستلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن. 1961-يىلى 6-ئايدا، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ قانۇننىڭ «پارتىيىۋىلىك ماددىسى» غىمۇ كېسىم قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا خەلقىنىڭ تۈپكى ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزگەن.

سىمىس-كونالى قانۇنى

  • سىمىس-كونالى قانۇنى[يەشمىسى:] «ئۇرۇش ۋاقتى ئەمگەك ماجىراسى قانۇنى». 1943-يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتى زۇڭتۇڭنىڭ رەت قىلىشىنى رەت قىلىپ، يەنە بىر قېتىم بۇ قانۇننى ماقۇللىغان. بۇ قانۇندا ئومۇمەن ئىش تاشلاش ئۇيۇشتۇرماقچى بولغانلار ئىشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمەتكە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇش ۋاقتى ئەمگەك ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئەپلەشتۈرۈپ قويۇشى لازىم. 30 كۈن ئىچىدە ياراشتۇرۇش نەتىجىگە ئېرىشمىسە، ئاندىن ئىش تاشلاش-تاشلىماسلىقنى ئىشچىلارنىڭ ئاۋازغا قويۇشى ئارقىلىق بەلگىلەش لازىم. يەنە شۇنىڭدەك زۇڭتۇڭ زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇرۇش لازىمەتلىكلىرى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ھەرقانداق زاۋۇتنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە، دەپ بەلگىلەنگەن. قانۇن لايىھىسىدە ئومۇمەن ئىش تاشلاشقا «قۇتراتقۇلۇق قىلىش» قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۇرۇش ۋاقتىدىكى ئىشلەپچىقىرىشقا توسقۇنلۇق قىلغۇچىلارغا قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

سىناگاۋا ۋەقەسى

  • سىناگاۋا ۋەقەسى[يەشمىسى:] ياپونىيە توكيونىڭ غەربىدىكى سىناگاۋا بازىرىدا يۈز بەرگەن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى بازىسىنى كېڭەيتىشكە قارشى كۈرەش. جەمئىي ئىككى قېتىم يۈز بەرگەن. (1) سىناگاۋا بازىرىنىڭ جەنۇبىدا ئامېرىكىنىڭ تاچىكاۋا ھاۋا ئارمىيىسى بازىسى قۇرۇلغان. 1955-يىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تاچىكاۋا بازىسىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە سىناگاۋا بازىرىدىكى خەلقلەرنىڭ يەرلىرىنى مەجبۇرىي ئىشلەتكەن، بۇ ھال شۇ جايدىكى ئاھالە ۋە باشقا جايدىكى خەلقلەرنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. 9-ئايدىن باشلاپ ساقچىلار بىلەن دېھقانلار، ئىشچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا كۆپ قېتىم قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ئاخىرى ھۆكۈمەت سىناگاۋا بازىرىدىكى يەرلەرنى ئۆلچەش ۋە ئىشلىتىشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان، كۈرەش غەلىبىلىك بولغان. (2) 1957-يىلى 7-ئايدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۆلچەش ئېلىپ بارىدىغان ئىشچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاچىكا ۋە ھەربىي بازىسىغا كىرىشنى چەكلەشنى باھانە قىلىپ، «جىنايى ئىشلار پەۋقۇلئاددە قانۇنى» نىڭ 2-ماددىسىغا ئاساسەن يەتتە نەپەر ئادەمنى ئەيىبلىگەن. 1959-يىلى 3-ئايدا توكيودىكى يەرلىك ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى «ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» ۋە ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىسى ياپونىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان، شۇڭا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان «جىنايى ئىشلار پەۋقۇلئاددە قانۇنى» كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ ھېسابلاپ، يەتتە ئادەمنى گۇناھسىز دەپ جاكارلىغان. لېكىن شۇ يىلى 12-ئايدا ئالىي ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ يۇقىرىغا سۇنغان ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈم چىقىرىش ئورۇنلىرىنىڭ «شەرتنامە» نىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ھوقۇقى يوق دەپ قاراپ، توكيودىكى يەرلىك ھۆكۈم چىقىرىش ئورنىنىڭ ھۆكۈمىنى ئىنكار قىلغان. بۇ ئارىلىقتا ئامېرىكا ئارمىيىسى كېڭەيتىپ قۇرۇش نىيىتىدىن سەل يېنىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنىڭ بىلەن، سىناگاۋادىكى يەرنى ئىشلىتىشكە قارشى كۈرەشمۇ ئاخىرلاشقان. 

سىندىكالىزم

  • سىندىكالىزم[يەشمىسى:] ھۆكۈمەتسىزلىك سىندىكالىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنىڭ بىر خىل ئاغمىچىلىق پىكىر ئېقىمى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بولۇپمۇ ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، شۋېتسارىيە ۋە لاتىن ئامېرىكىسى قاتارلىق جايلاردا كەڭ تارقالغان. فرانسىيىدىكى سورېل ( georgessorel، 2291 - 7481) ۋە لاگاردال (hubertlagardalle، 4191 - 5781) قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى ئىدى. ئۇلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى پارتىيە بىلەن قارىمۇ قارشى قويۇپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئۆز پارتىيىسى بولۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىغان، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى پارتىيە ئورنىغا دەسسىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى ئىشچىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان ۋە ئىشچىلارغا رەھبەرلىك قىلىدىغان بىردىنبىر تەشكىلىي شەكىل دەپ قارىغان. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ ۋە ھەممىنى باشقۇرىدۇ دەپ تەرغىپ قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بىرلەشمە تەشكىلىنى دۆلەت ئورنىغا دەسسىتىش كويىدا بولغان. ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي كۈرەشنى ۋە قوراللىق كۈرىشىنى ئىنكار قىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئومۇمىي ئىش تاشلاش — كاپىتالىزمنى يوقىتىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى دەپ تەرغىپ قىلغان ھەمدە مۇشۇنداق ئىش تاشلاشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزگەندىلا، ئېكسپىلاتاتسىيە يوقىتىلغان جەمئىيەتنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان. لېنىن مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «ھۆكۈمەتسىز ئىشچىلار ئۆمەكچىلىكى ئاغمىچىلىقنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشى» («ماركس، ئېنگېلس، لېنىن، ستالىن، ماۋ زېدۇڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ئىلمىي سوتسىيالىزم قىسمى، 335-بەت).

سىندۇ

  • سىندۇ[يەشمىسى:] (Sindhu) ھىندى دەرياسىنىڭ قەدىمكى ئاتىلىشى. «بۈيۈك راھىبلار تەرجىمىھالى» غا قارالسۇن. «بۇددا ئەللىرىگە ساياھەت خاتىرىسى» دېگەن كىتابتا «新头»، «ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى» دېگەن كىتابتا «信度»، «يۈەن سۇلالىسى مەخپىي تارىخى» دېگەن كىتابتا «单河» دەپ ئېلىنغان. 

سېنتەبرىستلەر

  • سېنتەبرىستلەر[يەشمىسى:] پورتۇگالىيىنىڭ سول قانات ئاساسىي قانۇنچىلىرى، 1836-يىلى 9-ئايدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكتىن شۇنداق ئاتالغان. 1834-يىلى مارىيە Ⅱ پادىشاھلىق تەختىگە رەسمىي چىققاندىن كېيىن، 1826-يىلىدىكى ئاساسىي نىزام كۈچكە ئىگە بولغان. سودا-سانائەت ساھەسىدىكى بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سول قانات ئاساسىي قانۇنچىلار بۇ ئاساسىي نىزامغا نارازى بولغانلىقتىن، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، ئاساسىي نىزامچىلار (ئاساسىي نىزامنى ھىمايە قىلىدىغان ئوڭ قانات ئاساسىي قانۇنچىلار) ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ، سېنتەبرىستلەر ھۆكۈمىتىنى قۇرغان، 1822-يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەمۇرىيەت ۋە ئەدلىيە تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلغان، قوغدىنىش چېگرا بېجىنى بەلگىلەپ، سانائەتكە مەدەت بەرگەن، قۇل سودىسىنى بىكار قىلغان، كەسپىي ۋە ئوتتۇرا مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان. 1838-يىلى سېنتەبرىستلەر ئاساسىي نىزامچىلارغا يول قويۇپ، 1826-يىلدىكى ئاساسىي نىزام بىلەن 1822-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن مادارا قىلىنغان يېڭى ئاساسىي قانۇننى تۈزۈپ چىققان، شۇنىڭدىن كېيىن بارا-بارا مۇتەئەسسىپلىككە قاراپ ماڭغان. 1842-يىلى ئاساسىي نىزامچىلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. 50-يىللارنىڭ بېشىدا سابىق سېنتەبرىستلەر تارىخچىلار بولۇپ تەشكىللەنگەن، بىراق ئاساسىي نىزامچىلاردىن تەركىب تاپقان گۈللەندۈرۈش پارتىيىسى بىلەن پرىنسىپلىق ئىختىلاپ قالمىغان.

سىنفېن پارتىيىسى

  • سىنفېن پارتىيىسى[يەشمىسى:] ئىرلاندىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش سىياسىتەشكىلاتى.سىنفېنئىرلاندچەSinn Fein نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، مەنىسى «ئۆزىمىز» ياكى «ئۆز-ئۆزىمىزگە مەدەت بېرىش» دېگەندىن ئىبارەت. 1905-يىلى قۇرۇلغان. ئاساسەن ئوتتۇرا ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىرى ۋە رادىكال زىيالىيلاردىن تەركىب تاپقان. ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئىرلاندىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى قايتۇرۇۋېلىش، ئەنگلىيە تاۋارلىرىنى چەكلەش قاتارلىق پاسسىپ تەدبىرلەرنى قوللىنىش يولى بىلەن قارشى تۇرۇپ، كەڭ ھىمايىگە ئېرىشكەن. كېيىنچە بەزى ياش ئەزالار فېننى ئۇيۇشمىسىدىكىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، زورلۇق كۈچ بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان، 1916-يىلدىكى پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭىغا مەدەت بەرگەن. 1919-يىلى 1-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئىرلاندىيە پارلامېنتىنى چاقىرغان ھەمدە ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. 1921-يىلى ئەنگلىيە بىلەن ئىرلاندىيە شەرتنامە ئىمزالاپ، ئىرلاندىيىنى پارچىلاپ تاشلىغان. سىنفېن پارتىيىسى شۇنىڭ بىلەن تېز پارچىلىنىپ كەتكەن. 3291 - 2291-يىللاردىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن مەخپىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا يۆتكەلگەن. 50-يىللاردا سىياسىي سەھنىگە يېڭىباشتىن چىققان. 70-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئىرلاندىيىنى سىياسىي يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان «ھۆكۈمەتپەرەسلەر» بىلەن قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان «ۋاقىتلىقلار» غا بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1977-يىلنىڭ بېشىدا «ھۆكۈمەتپەرەسلەر» «سىنفېن-لېيبورىستلار پارتىيىسى» دېگەن يېڭى نامنى قوللانغان.

سىنكلېر

  • سىنكلېر[يەشمىسى:] (Upton Beall Sinclair، 8691 - 8781) ئامېرىكىلىق يازغۇچى. نيۇ-يورك شەھەرلىك ئىنستىتۇتنى پۈتتۈرۈپ، كېيىن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1902-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1904-يىلى بۇ پارتىيىنىڭ قوللىشى بىلەن چىكاگو گۆش يېمەكلىكلەر پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ چىققان. 1906-يىلى «قۇشخانا» ناملىق رومانىنى ئېلان قىلىپ، كاپىتالىستىك يىرىك سانائەتنىڭ زۇلمى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئىشچىلارنىڭ ھالىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن ھەمدە چىكاگو قۇشخانىسىنىڭ پاسكىنا ئەھۋالىنى پاش قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان، قوشما شتات يېمەكلىكلەر تازىلىقىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە سەۋەب بولغان. ئۇ، بۇ رومانى ئۈچۈن ئالغان قەلەم ھەققى بىلەن ئىجتىمائىي ئىسلاھات سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن «ھېلىكان ئائىلە جامائەسى» نى قۇرۇپ چىققان، بىراق ئۇزاق ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرنەچچە خىل ئىجتىمائىي ئىسلاھات خىزمىتىنى ئىشلەپ باققان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن يەنە «كۆمۈر كارولى»، «نېفىت!»، «بوستون» قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ يەنە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تەتقىقاتىغا دائىر «پارا»، «ھۈرمەت قەدەم»، «پۇلنىڭ ماھارىتى»، «ئەجدىھا چىشى» ۋە تەرجىمىھال قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئاپتور ئەسەرلىرىدە كۆپرەك جەمئىيەتتىكى رەزىللىكلەرنى پاش قىلغان. شۇڭا «رەزىللىكلەرنى پاش قىلغۇچى» يازغۇچى دەپ نام ئالغان.

سىنگاپۇر

  • سىنگاپۇر[يەشمىسى:] يەنى «تۇماسىك».

سىنگاسارى دۆلىتى

  • سىنگاسارى دۆلىتى[يەشمىسى:] ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ياۋا ئارىلىغا جايلاشقان. قۇرغۇچى كېن ئاڭروڭ (Ken Angrok، ؟ 7221 -). ئەسلى كادىرى بەگلىكىنىڭ تۇما پېل دېگەن يېرىنىڭ غوجىسى بولۇپ، 1222-يىلى كادىرى پادىشاھلىقىنىڭ ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ياۋانىڭ شەرقىي ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىنى ئىگىلەپ، تۇما پېل پادىشاھلىقىنى قۇرغان. كېرتاناگارا (Kertanagara) تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (2921 - 8621) پايتەخت نامىنى سىنگاسارى (Singhasari) دەپ ئۆزگەرتىپ، سىنگاسارى دۆلىتى دەپ ئاتالغان. سىۋا دىنى ۋە بۇددا دىنى خوپىيە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىپ، ئىككىسىنى بىرلەشتۈرمەكچى بولغان. تەخمىنەن 1275-يىلدىن باشلاپ، «پان مرويو يىراققا يۈرۈش» قىلىپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۇماترا ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسىملىرى، كالىماتاننىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمى، مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، بالى ئارىلى، مادورا ئارىلى، سۇمباۋا ئارىلى ۋە مولۇككا تاقىم ئارىلىنىڭ بىر قىسمىنى بويسۇندۇرغان. 1292-يىلى كادىرى پادىشاھلىق جەمەتىنىڭ ئەۋلادى جاياكاتۋان (Jayakatwan) ئاسىيلىق قىلىپ كېرتاناگارىنى ئۆلتۈرۈپ، تەختنى تارتىۋالغان. 1293-يىلى يۈەن سۇلالىسى ئارمىيىسى ياۋاغا بېسىپ كىرگەندە، كېرتاناگارانىڭ كۈيئوغلى رودنى بىدۇيې يۈەن سۇلالىسى ئارمىيىسى بىلەن بىرلىشىپ جايا كاتىۋاننى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئارمىيىسىنى قوغلاپ چىقىرىپ مادجاپاشېت دۆلىتىنى قۇرغان.

سىنوپې

  • سىنوپې[يەشمىسى:] (Sinope) قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى قەدىمكى يۇنان مۇستەملىكە شەھىرى. بۈگۈنكى تۈركىيىنىڭ سىنوپ (Sinop) شەھىرى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردە مىلىدۇلار قۇرغان. كېيىن مۇشۇ رايوندىكى سودا-سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. مىلادىدىن 183 يىل ئىلگىرىدىن باشلاپ، پونتوس پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رىم زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن.

سىنىپ

  • سىنىپ[يەشمىسى:] ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئەييەن دەۋرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان مۇئەييەن ئىجتىمائىي گۇرۇھ. «سىنىپلار دېگىنىمىز شۇنداق بىر گۇرۇھلاركى، ئۇلارنىڭ مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدە تۇتقان ئورنى ئوخشاش بولمىغاچقا، بۇ گۇرۇھلارنىڭ بىرى يەنە بىرىنىڭ ئەمگىكىنى ئۆزلەشتۈرۈۋالالايدۇ». (لېنىن: «ماركس، ئېنگېلس ۋە ماركسىزم توغرىسىدا» 1977-يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى، 527 - 427 -بەتلەر). سىنىپ ئەزەلدىن بار بولغان ئەمەس، ئۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن باسقۇچقا يەتكەندىكى مەھسۇلى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئومۇمەن ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئالىي باسقۇچىدا، مېتال قوراللارنىڭ (مىس، برونزا، كېيىن تۆمۈر قورال) ئىشلىتىلىشى تۈپەيلىدىن ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئۆسۈپ، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى ۋە ئايرىۋاشلاشنىڭ دائىرىسى كېڭەيگەن، ئېكسپىلاتاتسىيە مۇناسىۋىتى ۋە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى بارلىققا كەلگەن، ئىنسانىيەت تۇنجى قېتىم سىنىپقا يەنى قۇلدارلار بىلەن قۇللار، ئاقسۆڭەكلەر بىلەن ئاددىي خەلقلەر (كەمبەغەللەر) گە بۆلۈنگەن، بىرلىككە كەلگەن ئۇرۇقداشلىق كوممۇنا يىمىرىلىشكە قاراپ ماڭغان. تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنىڭ تەكشىسىزلىكى تۈپەيلىدىن خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە سىنىپنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتىدا ئىلگىرى-كېيىنلىك بولغان. ئومۇمەن مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى چاغلاردا مېسوپوتامىيە ۋادىسى (ئىراق) نىڭ جەنۇبى قىسمى ۋە نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى (مىسىر) ئەڭ بۇرۇن سىنىپىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغان؛ ھىندى دەريا ۋادىسى بىلەن ئېگېي دېڭىزى رايونى مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە سىنىپىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغان؛ جۇڭگودا سىنىپىي جەمئىيەتنىڭ شەكىللىنىشى، تەخمىنەن مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى شيا سۇلالىسى دەۋرىدە بولغان؛ يۇنان، رىمدا سىنىپىي جەمئىيەت بولسا مىلادىدىن 1000 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا بارلىققا كەلگەن دەپ قارىلىدۇ. تارىختا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئۈچ خىل سىنىپىي جەمئىيەت، يەنى قۇللۇق جەمئىيەت، فېئوداللىق جەمئىيەت ۋە كاپىتالىزم جەمئىيىتى پەيدا بولغان؛ ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى بىر-بىرىگە تۈپتىن قارىمۇ قارشى بولغان ئىككى سىنىپنى يەنى قۇلدارلار بىلەن قۇللار، پومېشچىكلار بىلەن دېھقانلار (يانچىلار) ۋە كاپىتالىستلار بىلەن ئىشچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەلۇم ئاساسلىق بولمىغان ياكى ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك سىنىپلارمۇ بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. كاپىتالىزمدىن بۇرۇنقى سىنىپىي جەمئىيەتلەردە، سىنىپلار بەزىدە ئوخشاش بولمىغان تەبىقە گۇرۇھلار شەكلى بىلەن ئىپادىلەنگەن (مەسىلەن، ھىندىستاندىكى ۋارنا تۈزۈمى). سىنىپ بىلەن بارلىققا كەلگەن سىنىپىي زىددىيەت ۋە كۈرەش جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلانغان؛ بۇ كۈرەشلەر ئەڭ ئاخىرى مۇقەررەر ھالدا پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا ئېلىپ كېلىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. سىنىپ مەڭگۈ مەۋجۇت بولمايدۇ، سوتسىيالىزم جەمئىيىتى سىنىپسىز جەمئىيەتكە قاراپ مېڭىشتىكى ئۆتكۈنچى باسقۇچ. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى غايەت زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇرۇش، سىنىپىي پەرقلەرنى يوقىتىش، شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرى سىنىپنى يوقىتىش، ئىلمىي كوممۇنىزم غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش — پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ۋە تارىخىي بۇرچى.

سىنىپىي كۈرەش

  • سىنىپىي كۈرەش[يەشمىسى:] قارىمۇ قارشى سىنىپلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئىتى بىلەن ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ تۈپتىن قارىمۇ قارشى بولغانلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان كۈرەش. سىنىپىي جەمئىيەتتە، سىنىپىي كۈرەش كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان سىنىپىي زىددىيەتلەرنىڭ مەھسۇلى، جەمئىيەتتىكى نىگىزلىك زىددىيەتنىڭ ئىپادىسى، بەزى مىللىي كۈرەشلەرمۇ سىنىپىي كۈرەشنىڭ ئىنكاسى. سىنىپىي كۈرەشمۇ، سىنىپلارنىڭ بۆلۈنۈشىگە ئوخشاش بىرخىل تارىخى كاتېگورىيىگە ياتىدۇ. مۇئەييەن ئىجتىمائىي فورماتسىيىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى ۋە سىنىپىي قۇرۇلمىسى، شۇ جەمئىيەتتىكى سىنىپىي كۈرەشنىڭ مەزمۇنى، شەكلى ۋە رولىنى بەلگىلەيدۇ. قۇللۇق جەمئىيەتتىكى سىنىپىي كۈرەش، ئاقسۆڭەكلەر بىلەن پۇقرالار، قۇلدارلار بىلەن قۇللار، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان پومېشچىكلار بىلەن زاۋاللىققا يۈزلەنگەن قۇلدارلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ؛ فېئوداللىق جەمئىيەتتىكى سىنىپىي كۈرەش پومېشچىكلار بىلەن دېھقانلار، خوجىدار بىلەن يانچىلار، كەسىپداشلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئۇستىلىرى بىلەن نىمكارلار، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيە بىلەن زاۋاللىققا يۈز تۇتقان فېئودال ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ؛ كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى سىنىپىي كۈرەش بولسا مەركەزلىك ھالدا بۇرژۇئازىيە بىلەن پرولېتارىيات ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. قىسقىسى، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار بىلەن ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنغۇچى سىنىپلار، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى سىنىپلار بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى سىنىپلار، كونا ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار بىلەن يېڭى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار، ئەزگۈچى مىللەتلەر بىلەن ئېزىلگۈچى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش پۈتكۈل سىنىپىي جەمئىيەتكە سىڭگەن ھەمدە كۆپىنچە جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي زىددىيىتىنى ھاسىل قىلىدۇ. سىنىپىي كۈرەشتىكى ئىككى تەرەپ، سىياسىي كۈرەش، ئىقتىسادىي كۈرەش، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى كۈرەشتىن ئىبارەت شەكىللەرنى قوللىنىپ، غەيرىي زورلۇق ياكى زورلۇق كۈچى بىلەن، يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا كۈرەش قىلىدۇ. سىنىپىي جەمئىيەتتە سىنىپىي كۈرەش داۋام قىلىپ مۇئەييەن باسقۇچقا بارغاندا، مۇقەررەر ھالدا تەرەققىي قىلىپ سىياسىي كۈرەش (ئۇنىڭ ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ مەركەزلەشكەن ئىپادىسى پارتىيىلەر كۈرىشى) ۋە ئىجتىمائىي ئىنقىلاب (ئۇنىڭ ئەڭ ئالىي، ئەڭ ئۆتكۈر بولغان شەكلى — زورلۇق كۈچ ئىنقىلابىي ياكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش) قا ئايلىنىدۇ. ئىنقىلابىي سىنىپلار كۈرەش ئارقىلىق كونا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى ۋە ئۇستقۇرۇلمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يول ئاچىدۇ. شۇڭا سىنىپىي كۈرەش سىنىپىي جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى پرولېتارىياتنىڭ بۇرژۇئازىيىگە قارشى كۈرىشى ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشتىكى غايەت زور ئىلگىرى سۈرگۈچى كۈچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پرولېتارىياتنىڭ بۇرژۇئازىيىگە قارشى كۈرىشى جەزمەن پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى ياكى خەلق دېموكراتىيە دىكتاتۇرىسىغا ئېلىپ بارىدۇ، بۇ دىكتاتۇرا سىنىپسىز جەمئىيەت بولغان كوممۇنىزم جەمئىيىتىنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سوتسىيالىزم جەمئىيىتىدە، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار سىنىپ سۈپىتىدە يوقىتىلغاندىن كېيىن، سىنىپىي كۈرەش ئاساسىي زىددىيەت بولۇشتىن قالىدۇ. بىراق مەملىكەت ئىچىدىكى ئامىللار ۋە خەلقئارا تەسىر تۈپەيلىدىن سىنىپىي كۈرەش مۇئەييەن دائىرىدە يەنىلا ئۇزاق ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ھەمدە مەلۇم شارائىت ئاستىدا ئېھتىمال ئۆتكۈرلىشىپ بارىدۇ. كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئاز ساندىكى سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئۇنسۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش يەنىلا سىنىپىي كۈرەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سىنىيوكسىن

  • سىنىيوكسىن[يەشمىسى:] گرېكچە Synoikisinos دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «بىرلىككە كېلىش ھەرىكىتى» دېگەنلىك. بۇ تارقاق ئۇرۇقداشلىق قەبىلە كوممۇناسى ياكى يېزا كوممۇنالىرىنىڭ بىرلىشىپ شەھەر دۆلىتى (شەھەر ئىتتىپاقى) قۇرۇش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. ئومۇمەن ئۇنىڭ تىپىك مىسالى — ئافىنانىڭ تەخمىنەن مىلادىدىن 1250 يىل ئىلگىرى (مىلادىدىن ئى-لگىرى Ⅷ ئەسىر دېگەنلەرمۇ بار) «تېسېئوس ئىسلاھاتى» ئارقىلىق بىرلىككە كېلىش جەريانى دەپ قارىلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا تېسېئوس ئاتىكا ئاھالىلىرىنى بىر شەھەرنىڭ پۇقرالىرى قىلىپ بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىدىكى ئايرىم-ئايرىم تەسىس قىلىنغان كېڭەشلەرنى تارقىتىپ، ئافىنا شەھىرىدە بىردىنبىر جامائەت كېڭەش زالى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنى ئافىنا دەپ بېكىتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە دۆلەت پۇقرالىرىنى ئاقسۆڭەك (Eupatridae)، دېھقان (Geomoros) ۋە قول سانائەتچى (Demeurgos) دىن ئىبارەت ئۈچ سىنىپقا ئايرىغان. شۇنىڭ بىلەن تارقاق ئۇرۇقداشلىق قەبىلە كوممۇنالىرىنىڭ باشقۇرۇش ئورگانلىرى بىرلىككە كەلگەن جامائەت ھاكىمىيەت ئورگىنىغا يەنى ئافىنا دۆلىتىگە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بويىچە ئۇرۇقداشلىق قەبىلە بولۇپ ئۇيۇشۇش پرىنسىپى ئاھالىلەرنى باشقۇرۇشنى رايون بويىچە تەشكىللەش پرىنسىپىغا، كىشىلەرنىڭ ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى ئاساسىدىكى باراۋەرلىك مۇناسىۋىتى بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى بولىدىغان سىنىپىي مۇناسىۋەتكە ئايلىنىشقا باشلىغان. قەدىمكى يۇنان دۇنياسىدا ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئومۇمەن سىنىيوكسىن جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن. بەزى ئالىملار مۇنداق جەريان قەدىمكى تارىختا ئومۇمىي خاراكتېرلىككە ئىگە دەپ ھېسابلايدۇ.

سىۋاجى

  • سىۋاجى[يەشمىسى:] (Sivaji ياكى Shivaji، 0861 - 7261) ھىندىستاندىكى ماراتا دۆلىتىنى قۇرغۇچى. بىجاپۇرنىڭ فېئودال خانى بونىسلې (Bhonsle) جەمەتىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىلا ھەربىي تەلىم ئېلىپ، 19 يېشىدا ئەسكەر باشلاپ، ئۇرۇشقا چىقىپ، زېمىنىنى كېڭەيتكەن. 1657-يىلى ماراتا خەلقىنىڭ موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1665-يىلى مەغلۇپ بولۇپ، ئىمپېرىيە بىلەن «پلاندار سۈلھ شەرتنامىسى» نى تۈزۈپ، 20 دىن ئارتۇق قەلئەنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە ھەمدە غايەت زور تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇر بولغان. 1670-يىلى ئىمپېرىيىگە قارشى يېڭىباشتىن ئۇرۇش باشلىغان. 1674-يىلى تارقاق خانلىقلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ماراتا دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۆزىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە سىياسىي ۋە ئىگىلىكنى تەرتىپكە سېلىپ، مەركىزىي ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەپ، ھەربىي سۇيۇرغاللىقلارنى بىكار قىلىپ، ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان؛ دېھقانلار ئاساس قىلىنغان كۈچلۈك ئاتلىق ئەسكەرلەر قوشۇنىنى قۇرۇپ، زېمىنىنى كېڭەيتىپ، بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن. 

سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ زاڭ بۆلۈشۈش تۈزۈمى

  • سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ زاڭ بۆلۈشۈش تۈزۈمى[يەشمىسى:] ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيە سىياسىتىدە، يېڭىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان سىياسىي پارتىيە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ۋەزىپىسىنى بەدەل قىلىپ تۇرۇپ، ئۆز پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىگە تەيىنلەپ، ھاكىمىيەت بېشىدا بولمىغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئادىتى. زۇڭتۇڭ جېففېرسون (دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن چاغدا باشلانغان؛ 1829-يىلى جىكسون (جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى) زۇڭتۇڭلۇققا ئولتۇرۇپ دېموكراتلار پارتىيىسى ئەزالىرىنىڭ ئورنىغا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قويغان. ھەرقايسى شتات ھۆكۈمەتلىرى كەينى-كەينىدىن تەقلىد قىلغان. بۇنداق زاڭ بۆلۈشۈش تۈزۈمى ئامېرىكا سىياسىتىگە ئۆز يېقىنلىرىنى ئىشقا قويۇش، خىيانەت قىلىش، ۋەزىپىنى ئادا قىلماسلىق، بىر-بىرىنى قانات ئاستىغا ئېلىشتەك يامان ئىللەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن كېيىن پارلامېنت مەمۇرىي ئەمەلدارلار تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تۈپتىن ئۆزگەرتەلمىگەن. 

سىياسىي-ئىقتىساد مۇلاھىزىلىرى

  • سىياسىي-ئىقتىساد مۇلاھىزىلىرى[يەشمىسى:] كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي نەزەرىيىۋى ژۇرنىلى. «يېڭى رېين گېزىتى» نىڭ داۋامى. 1849-يىلى 12-ئايدا ماركس بىلەن ئېنگېلس تەرىپىدىن چىقىرىلغان. تەھرىر بۆلۈمى لوندوندا بولۇپ، گېرمانىيىدىكى گامبورگدا بېسىلغان. جەمئىي ئالتە سان چىقىرىلغان. ژۇرنالنىڭ كۆپلىگەن ماقالىلىرىنى ماركس بىلەن ئېنگېلس يېزىپ بەرگەن. ژۇرنال ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ماركسنىڭ «1848-يىلىدىن 1850-يىلىغىچە فرانسىيىدە بولغان سىنىپىي كۈرەش» ئېنگېلسنىڭ «گېرمانىيىدە ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى قوغداش ھەرىكىتى» ۋە «گېرمانىيىدىكى دېھقانلار ئۇرۇشى» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، 1848 - 1849-يىللىرىدىكى ياۋروپا ئىنقىلابىنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا غايەت زور رول ئوينىغان. بۇ ژۇرنال پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى ۋە ئىقتىساد يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن 1850-يىلى 11-ئايدا نەشىر قىلىنىشتىن توختىغان. 

سىيام

  • سىيام[يەشمىسى:] (Siam) جۇڭگو تارىخلىرىدا تايلاندنىڭ سۇكۇتاي خاندانلىقى سىيام دەپ ئاتالغان.

سىيام دۆلىتى

  • سىيام دۆلىتى[يەشمىسى:] (1) جۇڭگونىڭ تارىخلىرىدا قەدىمكى تايلاندنىڭ نامى. بۇرۇن سىيام ۋە لاۋو دەپ ئىككى دۆلەتكە ئايرىلغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كېيىن ئىككى دۆلەت قوشۇلۇپ، سىيام دۆلىتى دەپ ئاتالغان. سىيام دېگەن نام ھەققىدە، «مىڭ سۇلالىسى تارىخى. چەت ئەل تەزكىرىسى» دە 1377-يىلى (مىڭ سۇلالىسى خوڭۋۇنىڭ 10-يىلى) مىڭ خاندانلىقى «سىيام پادىشاھىغا تامغا» ئىنئام بەرگەندىن باشلاپ قوللىنىلغان ياكى ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرى جۇداگۇەن يازغان «كېخمىرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى» دە ئالدى بىلەن كۆرۈلگەن دېيىلىدۇ. (2) تايلاندنىڭ كونا نامى. 1939-يىل 6-ئاينىڭ 24-كۈنى تايلاند دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1945-يىل 8-ئاينىڭ 7-كۈنى سىيام دېگەن كونا نام ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1949-يىلى 8-ئايدا يەنە تايلاند دەپ ئۆزگەرتىلىپ تا ھازىرغا قەدەر مۇشۇنداق ئاتىلىپ كەلمەكتە. 

سىيرىيام جېڭى

  • سىيرىيام جېڭى[يەشمىسى:] بىرمىدىكى ئالوڭپايا خاندانلىقىنىڭ سىيرىيام (Syriam، ھازىرقى رانگون شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىدا) نى ئېلىش جېڭى. ئالۇڭپا يارانگوننى ئالغاندىن كېيىن، 1756-يىلى مونلار ئىشغال قىلىۋالغان دېڭىز بويىدىكى سىيرىيامغا ھۇجۇم قىلغان. مونلار ئارمىيىسى مۇداپىئەسىنىڭ پۇختا بولۇشى ئۇنىڭ ئۈستىگە فرانسۇزلارنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن، بۇ يەرنى ئېلىش بەك تەس بولغان. ئالۇڭپايا بۇ يەرنى ئېلىش ئۈچۈن «سىيرىيام ئالتۇن روتىسى» دەپ ئاتىلىدىغان 93 كىشىلىك پالۋانلاردىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار ئەترىتىنى تاللاپ سالغان. 7-ئاينىڭ بىر كېچىسى «سىيرىيام ئالتۇن روتىسى» نىڭ پالۋانلىرى قارشى تەرەپ مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ تەييارلىقسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، شىددەت بىلەن شەھەرگە كىرىپ، زور غەلىبە قازانغان، سىيرىيامنى ئالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي فرانسىيىنىڭ مونلارغا ياردەم قىلغان ئىككى ھەربىي پاراخوتى سىيرىيامغا كەلگەن، بۇمۇ غەنىمەت ئېلىنغان. 

سيۇرىخ ئۈچ كىشىلىك ئۆمىكى

  • سيۇرىخ ئۈچ كىشىلىك ئۆمىكى[يەشمىسى:] گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى ئىچىدىكى ئوڭچىل ئاغمىچىلىق گۇرۇھى. ئەسلى «سيۇرىخ ئۈچ كىشىلىك يۇلتۇزلار تۈركۈمى»(Zuricher Drei gesteran) مەنىسىدە بولۇپ بۇ ماركسنىڭ ئۇلارغا بەرگەن مەسخىرە نامى. 1878-يىلى «سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بېرنىشتېين شۋېتسارىيىنىڭ سىيۇرىخ شەھىرىگە قېچىپ بېرىپ، پارتىيىنىڭ ژۇرنالى «سوتسىيال دېموكراتلار» نىڭ تەھرىرى مۇشبېرگ، شىدام بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن. 1879-يىلى ئۈچەيلەن ئۈچ يۇلتۇزلۇق بەلگە بىلەن ئىمزا قويۇپ: «ئىجتىمائىي پەن ۋە ئىجتىمائىي سىياسىي يىللىق مەجمۇئە» ژۇرنىلىدا پارتىيىگە قارشى «گېرمانىيىدىكى سوتسىيالىستىك ھەرىكەتنى ئەسلەش» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. بۇ ماقالىدە سىنىپىي كۈرەش ۋە زورلۇق كۈچى ئىنقىلابىدىن ۋاز كېچىش تەرغىب قىلىنغان. سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى «بىر تەرەپلىمە ئىشچىلار پارتىيىسى» بولماستىن، بەلكى بۇرژۇئا دېموكراتلىرى قاتناشقان «ھەر تەرەپلىمە پارتىيە» بولۇشى كېرەك دېگەننى تەرغىب قىلغان. پارتىيىدىن «پەۋقۇلئاددە قانۇن» مەزگىلىدە بارلىق مەخپىي ھەرىكەتلەردىن ۋاز كېچىپ قانۇنىي ھەرىكەت قىلىش ئاساسىدا، بىسمارك ھۆكۈمىتىدىن «پەۋقۇلئاددە قانۇن» نى بىكار قىلىشنى تىلەشنى تەلەپ قىلغان. ماركس، ئېنگېلس 1879-يىلى 9-ئايدا «ئا.بېبېل، ۋ.لىبكنېخت، ۋ. بداككې قاتارلىق كىشىلەرگە يېزىلغان ئۇقتۇرۇش خەت» تە ئۇلارنىڭ ئوڭچىل ئاغمىچىلىق نۇقتىئىنەزەرلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. 

سىيكېس-پىكوت كېلىشىمى

  • سىيكېس-پىكوت كېلىشىمى[يەشمىسى:] بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاسىيا قىسمىنى بۆلۈشۈۋېلىش توغرىسىدا ئىمزالىغان كېلىشىم. 1915-يىلى 11-ئايدىن ئېتىبارەن ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى مارك سىيكېس (Mark Sykes) بىلەن فرانسىيىنىڭ بېيرۇتتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى پىكوت (Georges Picot) مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. ئىككىنچى يىل 2-ئايدا، لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. روسىيە ھۆكۈمىتى پرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلغاندىن كېيىن، 1916-يىل 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ۋە 16-كۈنلىرى لوندوندا رەسمىي ئىمزالانغان. ئاساسىي مەزمۇنى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: (1) ئەرمەنىستاننىڭ ئەرزۇرۇم، ترېبزون، ۋان كۆلى ۋە بىتلىس رايونى ھەم كۇردىستاننىڭ بىر قىسمىنى روسىيىگە ئايرىپ بېرىش. (2) «كۆك رايون» (جۈملىدىن لىۋان، سۈرىيىنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرى، ئادام، چىلىچىيە ھەم گازىئانېتىپ، ئۇرفا، ماردىن، دىياربەكىر قاتارلىق جايلار) نى فرانسىيىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىغا ئايرىپ بېرىش. (3) «قىزىل رايون» (جۈملىدىن مېسوپوتامىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە پەلەستىننىڭ خايفا، ئاك پورتلىرىنى) ئەنگلىيىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىغا ئايرىپ بېرىش. (4) «ئا رايون» (جۈملىدىن سۈرىيىنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونى ۋە موسۇل ئۆلكىسى) نى فرانسىيىنىڭ تەسىر دائىرىسى قىلىپ ئايرىش. (5) «ب رايون» (جۈملىدىن كىركۇكتىن ئاكاباغىچە ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدىن پارىس قولتۇقىغىچە بولغان رايونلار) نى ئەنگلىيىنىڭ تەسىر دائىرىسى قىلىپ ئايرىش. (6) ئالېكساندرېتتا (يەنى ئىسكەندىرۇن) نى ئەركىن پورت قىلىپ بەلگىلەش. (7) قوڭۇر رايون (جۈملىدىن پەلەستىن) نى خەلقئارا ئورتاق باشقۇرۇش؛ ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت. كېيىن ئەرەب خەلقىنىڭ قارشى تۇرغانلىقى ۋە ئانتانتا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەت كەسكىنلەشكەنلىكى تۈپەيلىدىن بۇ كېلىشىم ئەمەلگە ئاشمىغان.