ن🔗

ن

نىخاۋاند جېڭى

نىرۋانا

نىرىز قوزغىلىڭى

نىزامۇلمۈلك

نىزامى

نىستات سۈلھ شەرتنامىسى

نىسېيە ئىمپېرىيىسى

نىسېيە يىغىنى

نىش قوزغىلىڭى

نىشىدا كىتارو

نىشىدا مىتسۇگى

نىشىنا يوشىئو

نىفېررېخۇ ھېكمەتلىك سۆزلىرى

نىكاياس

نىكا قوزغىلىڭى

نىكلوت

نىككولىنى

نىكوپول جېڭى

نىكوتېرا

نىكولاس سىتوخ

نىكولاي بالچېسكو

نىكولايⅠ

نىكولايⅡ

نىكىياس

نىگتىنگالې

نىگېرىيە مۇستەملىكە ھامىيلىق دۆلىتى

نىم نولىرى

نىمتىز

نىنېۋې

نېبۇر

نىئېلسېن

نىئىدا نوبورۇ

نيۇتون

نيۇرات

نيۇرنبېرگ سوتى

نيۇرنبېرگ قانۇنى

نيېسزاۋا نىزامى

ئىزاھى

نىخاۋاند جېڭى

  • نىخاۋاند جېڭى[يەشمىسى:] مىلادى 642-يىلى ئەرەبلەر بىلەن ساسانىيلار (Sassan) سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ نىخاۋاند (Nihawand ياكى Nahawand ھازىرقى ئىراننىڭ ھەمەدان دېگەن شەھىرىنىڭ جەنۇبى)دا بولغان جېڭى. مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا، ئەرەبلەر ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 637-يىلى ساسانىيلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى كېتىسفون ئىشغال قىلىنىپ، پادىشاھ يەزدېگېرد Ⅲ (YazdegerdⅢ) شەرققە قېچىپ كەتكەن. نېخاۋانددا ئەرەبلەرنىڭ تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى 150 مىڭ كىشىلىك قوشۇن دېيىلگەن ساسانىيلار سۇلالىسىنىڭ قوشۇنىنى يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، پۈتكۈل ئىران زېمىنىنى ئىگىلىگەن. 651-يىلى يەزدېگېرد Ⅲ قەتل قىلىنىپ، ساسانىيلار سۇلالىسى يوقىتىلغان.

نىرۋانا

  • نىرۋانا[يەشمىسى:] سانسىكرىتچە Nirvana نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. مەنىسى «يوقىلىش»، «ئارام تېپىش» دېگەنلىك، «پارىنىرۋانا» (Parinirvana) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇددا دىنىنىڭ ئالىي غايىسى. بۇددا نوملىرىدا ئېيتىلىشىچە، بۇددا مۇرىتلىرى تەقۋادارلىق بىلەن «دىنىي ئەقىدىلەرنى ئۆگەنسە» ئاخىرقى ھېسابتا ئۆلۈش-تۇغۇلۇشنىڭ سەۋەب-نەتىجىلىك تەكرارلىنىپ تۇرۇشىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، نىرۋانا ئاراملىقىغا يېتىپ، تۇغۇلماسلىق-يوقالماسلىق، ئويغىنىشتەك ئالىي پەللىگە يېتەلەيدۇ؛ بۇنداق سىرلىق پەللە «نىرۋانا»دەپ ئاتىلىدۇ دېيىلگەن. كېيىنكىلەر راھىبلارنىڭ ئۆلۈشىنى نېرۋاناغا يەتتى دەپ ئاتىغان.

نىرىز قوزغىلىڭى

  • نىرىز قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئىران باب مۇرىتلىرىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق زور قوزغىلىڭى. ئىلگىرى-كېيىن ئىككى قېتىم بولغان. 1850-يىلى ئىيۇن زېنجان قوزغىلىڭىدىن كېيىن، نىرىزدىكى باب مۇرىتلىرى سەئىدراش دارابىنىڭ رەھبەرلىكىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭچىلار شەھەر سىرتىدىكى بىر كونا قورغاننى ئىگىلىۋالغان ھەمدە ئۇنى بازا قىلىپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان، لېكىن ناھايىتى تېز باستۇرۇلغان. ئۇزاق ئۆتمەيلا باب مۇرىتلىرى قايتىدىن دېھقانلارنى تەشكىللەپ، ئىككىنچى قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭچىلار شۇ جايدىكى تاغلىق رايوننىڭ پايدىلىق يەر تۈزۈلۈشىدىن پايدىلىنىپ، پادىشاھ ئارمىيىسى ۋە يەرلىك فېئودال بەگلەرنىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇزاققىچە ئېلىشىپ، 1851-يىلغا كەلگەندىلا باستۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن باب مۇرىتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك قوزغىلىڭى ئاساسەن ئاخىرلاشقان.

نىزامۇلمۈلك

  • نىزامۇلمۈلك[يەشمىسى:]-Nizamal mulk، 1018 — 1092) سالجۇق (Saljuk) ئىمپېرىيىسىنىڭ باش ۋەزىرى. پېرسىيىنىڭ تۇس شەھىرىدە تۇغۇلغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە (1063 — 1092) پەن-مەدەنىيەتكە ئىلھام بېرىپ، ئالىم-سەنئەتكارلارنى قوغدىغان، بىرمۇنچە ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتلىرىنى قۇرۇپ چىققان، بۇلاردىن 1066-يىلى باغدادتا قۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان نىزامىيە ئىنستىتۇتى ئەڭ مەشھۇر.1087-يىلى ھەربىي سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، فېئودال كۈچلەرنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئىمپېرىيىنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭ «سىياسەتنامە» (ياكى «پۇقرالارنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بايان» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ) دېگەن ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا مەخسۇس دۆلەتنى باشقۇرۇشنىڭ قائىدىلىرى سۆزلەنگەن. كېيىن ئاساسىن (Assassins) مەزھىپىنىڭ مۇرىتلىرى تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان.

نىزامى

  • نىزامى[يەشمىسى:]Nizami، 1141 — 1202 ياكى 1209) پارس شائىرى، گەنج (Gadja، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەزەربەيجاننىڭ كىروۋ ئاباد Кировавад دېگەن شەھىرى)دە تۇغۇلغان، پۈتۈن ئۆمرىنى يۇرتىدا ئۆتكۈزگەن. پارس ۋە ئەرەب تىللىرىنى پىششىق ئۆگەنگەن؛ پەلسەپە، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا ۋە تىبابەتچىلىكتىن مەلۇماتلىق بولۇپ، كەڭ بىلىمگە ئىگە بولغان، ۋەكىللىك ئەسىرى — «خەمىسە» پارس تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، جەمئىي 120 مىڭ مىسرا، ئۇ «سىرلىق خەزىنە»، «خىسراۋ-شېرىن»، «لەيلى-مەجنۇن»، «يەتتە گۈزەل» ۋە «ئىسكەندەرنىڭ خانىكىسى» دېگەن بەش پارچە ئېپىك داستاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلاردا ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئېسىل خىسلىتى مەدھىيىلىنىپ، فېئوداللىق تۈزۈم ۋە دىننىڭ خەلققە سالغان زۇلمى ئەيىبلەنگەن. پەلسەپە جەھەتتە ماتېرىيالىزملىق خاھىشتا بولۇپ، دۇنيا توپا، سۇ، ئوت ۋە ھاۋادىن ئىبارەت تۆت ئاناسىردىن تەركىب تاپقان دەپ قارىغان، ئەقىل ھەقىقەتنى بىلەلەيدۇ، لېكىن خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس، دېگەننى تەكىتلىگەن.

نىستات سۈلھ شەرتنامىسى

  • نىستات سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] روسىيە شىمال ئۇرۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن ھوقۇق ۋە مەنپەئىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن شۋېتسىيە بىلەن تۈزگەن سۈلھ شەرتنامە. 1721-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنى فىنلاندىيىنىڭ نىستات (Nystad) شەھىرىدە ئىمزالانغان. شەرتنامىدە مۇقەددىمە ۋە 24 ماددا بولۇپ، ئىنگرىيە (Ингрия)، ئەستلياندىيە (Eстляндия)، لىفلەندىيە ۋە كارېلسكايا (Карельская) نىڭ بىر قىسمى ۋە ۋبورگ بىلەن رىگانىڭ دېڭىز بويى رايونلىرى، ئەزېل (Eзель)، داگو ئاراللىرىنى روسىيىگە بۆلۈپ بېرىش؛ فىنلاندىيىنى شۋېتسىيىگە قايتۇرۇپ بېرىش بەلگىلەنگەن. شەرتنامىگە ئاساسەن، روسىيە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى كەڭ زېمىن ۋە دېڭىز پورتلىرىغا ئىگە بولۇۋالغان.

نىسېيە ئىمپېرىيىسى

  • نىسېيە ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:] ئەھلىسەلىپ تۆتىنچى قېتىم شەرققە تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلدە (1202 — 1204)، ۋىزانتىيە ئاقسۆڭىكى لاسكارىس (Theodore Lascaris، ؟ — 1222) كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىدا قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت (1206 — 1261)، پايتەختى — نىسېيە شەھىرى (Nicaea، ھازىرقى ئىزنىك — Iznik). ئۇ شەرقتە رۇم (Pym) سۇلتانلىقى ۋە ترېبىزوند (Trebizond) ئىمپېرىيىسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، غەربتە لاتىن ئىمپېرىيىسىگە تۇتىشىدۇ. مەملىكەت ئىچى (بولۇپمۇ تاغلىق رايونلار)دا بىر بۆلۈك ئەركىن دېھقانلار ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، سودا-سانائەت بىر قەدەر راۋاجلانغان. جۇنⅢ تەختتىكى مەزگىلدە (1222— 1254)، ئەركىن دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان قوشۇنغا تايىنىپ، لاتىنلاردىن كىچىك ئاسىيانىڭ زور كۆپ قىسمى (كونستانتىنوپولدىن دېڭىز بوغۇزى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرغان نىكومېدىيە Nicomedia — رايونىدىن باشقا) نى قايتۇرۇۋالغان، ئۇنىڭدىن كېيىن قارا دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، فراكىيە ۋە تېسالونكا (Thessalonica) نى ئىگىلىۋالغان. مىخائېل Ⅷ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، 1259-يىلى نىسېيىگە قارىتىلغان، سىتسىلىيە، ئېپىروس پادىشاھلىقى، ئاقائىيە كىنەزلىكى ۋە سېربىيىدىن تەركىب تاپقان ئىتتىپاقنى پارچىلىغان. 1261-يىلى 3-ئايدا گېنويىنىڭ ئىمپېرىيە چېگرىسى ئىچىدە سودا ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولۇشقا يول قويۇش شەرتى بىلەن، ئۇنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولغان. 1261-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى نىسېيە قوشۇنى كونستانتىنوپولنى ئىگىلەپ، لاتىن ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پالېئولو (Palaeolo gus) سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئىمپېرىيە ئاخىرلاشقان.

نىسېيە يىغىنى

  • نىسېيە يىغىنى[يەشمىسى:] رىم ئىمپېرىيىسى چېگرىسى ئىچىدىكى خرىستىئان دىنى ئېپىسكوپلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنى. مىلادى 325-يىلى كونستانتىن Ⅰ(Konstantin)، (ئۇ چاغدا تېخى خرىستىئان مۇرىتى ئەمەس ئىدى) تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىتنىسىيىنىڭ نىسېيە (Niscaea) دېگەن شەھىرىدە چاقىرىلغان. يىغىننىڭ مەقسىتى خرىستىئان دىنى مەزھەپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىپ، پادىشاھنىڭ چېركاۋنى كونترول قىلىشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. يىغىنغا قاتناشقان ئېپىسكوپ ياكى ئېپىسكوپلارنىڭ ۋەكىللىرى تەخمىنەن 200 — 300 كىشى (كۆپى ئىمپېرىيىنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە شىمالىي ئافرىقىدىن كەلگەن) بولۇپ، ئىسپانىيىنىڭ كوردوۋا رايونىنىڭ ئېپىسكوپى خوسىئۇس (Hosius) پادىشاھقا ياردەملىشىپ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىن مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن دىنىي ئەقىدە— «دەستۇر» (Credo) نى تۈزۈپ چىقىپ، «ئەيسا قىددېس (مۇقەددەس ئوغۇل) بىلەن خۇدا (مۇقەددەس ئاتا) ئوخشاش خۇسۇسىيەتلىك (بىر گەۋدە)»، شۇڭا بارلىق چېركاۋلار ئوخشاش رىئايە قىلىشى لازىم، دېگەننى بەلگىلەپ، بۇ ئەقىدىنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتقان ئارىئۇس (Arius) چىلارنى «بىدئەت» دەپ جاكارلاپ، دىندىن چىقىرىۋەتكەن. يىغىن يەنە ئېپىسكوپلارنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، چېركاۋ نىزامىنى تۈزۈپ چىققان، ئەمەلىيەتتە بولسا پادىشاھنىڭ ھوقۇقى (ئېپىسكوپنى پادىشاھ بەلگىلەش ۋە قالدۇرۇش) نى كۈچەيتكەن. نىسېيە يىغىنى خرىستىئان دىنى سىياسىي ۋە ئىدىيە جەھەتتە رىم دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قورالىغا ئايلاندۇرغان.

نىش قوزغىلىڭى

  • نىش قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]Nis ياكى Nish) 1841-يىلى بۇلغارىيىنىڭ غەربىي رايونىدىكى دېھقانلارنىڭ تۈركىيىنىڭ فېئودال خوجىلىرىغا قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى، مىلوئىي يېۋانوۋېچ، نىكولاي سىيۇداك قاتارلىق كىشىلەر نىشنىڭ پاشا دېگەن رايونىدا بۇلغارىيە ۋە سېربىيە دېھقانلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى مۇنتىزم قوشۇن ۋە «باش-بازۇك»(-bashi bazouks، تۈركىيىنىڭ غەيرىي مۇنتىزىم قوشۇنى) قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ باستۇرغاچقا، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.

نىشىدا كىتارو

  • نىشىدا كىتارو[يەشمىسى:]1870— 1945) ياپونىيىلىك پەيلاسوپ. ئەدەبىيات دوكتورى. ئىشكاۋا ناھىيىسىدىن. ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە پېنى بويىچە تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسلەر كەسپىنى پۈتتۈرگەن. كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور (1914 — 1928) بولغان. «نىشىدا پەلسەپىسى» سىستېمىسىنى يارىتىپ، كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەپ، «كيوتو ئىلمىي ئېقىمى» نى شەكىللەندۈرگەن. «سۇبيېكت بىلەن ئوبيېكتنىڭ قوشۇلۇپ بىر بولۇشى» نى تەكىتلەپ، ماتېرىيالىزم بىلەن ئىدېئالىزمنىڭ سىرتىدا تۇرىدىغان پەلسەپە سىستېمىسىنى، ئەمەلىيەتتە شەرقنىڭ بۇددا دىنى ئىدىيىسىنى ئاساس، غەربنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسىنى ماتېرىيال قىلىپ، كېيىنكىسىنىڭ مەنتىقىسى ئارقىلىق ئالدىنقىسىغا چاپان ياپقان بىر خىل ئىدېئالىزملىق پەلسەپە سىستېمىسىنى ياراتماقچى بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ياخشىلىق توغرىسىدا تەتقىقات»، «ئاڭلىق بىۋاسىتە كۆزىتىش ۋە خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىش»، «يوقلۇقنىڭ ئۆزلۈكىدىن چەكلىنىشى»، «پەلسەپىدىكى تۈپ مەسىلە» قاتارلىقلار بار. كېيىن 18 توملۇق «نىشىدا كىتارو ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

نىشىدا مىتسۇگى

  • نىشىدا مىتسۇگى[يەشمىسى:]1907— 1937) ياپونىيىلىك فاشىست، 26-فېۋرال ۋەقەسىنى پىلانلىغۇچىلاردىن بىرى. توتتورى ناھىيىسىدىن. 1922-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، ئاتلىق ئەسكەرلەر سېكوندانت لېيتنانتى بولغان. ياش ۋاقتىدا كىتائىككىنىڭ دۆلەتنى ئۆزگەرتىش ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، يۇزون جەمئىيىتىگە كىرگەن. 1925-يىلى كونجى جەمئىيىتىگە كىرىپ، «ياپونىيە» دېگەن ژۇرنالنى نەشىر قىلدۇرۇپ، ناتسىستلىق ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلغان. شۇ يىلى 11-ئايدا بۇ جەمئىيەتتىن چېكىنىپ چىققان. 1927-يىلى ئەسكەرلەر گازەرمىسىنى تەشكىللىگەن. 1929-يىلى ياپونىيە مىللىي پارتىيىسىنى تەشكىللەپ، بىر تۇتاش باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 15-ماي ۋەقەسىدىن كېيىن كىتائىككى بىلەن بىللە رادىكال ئوڭ قانات ئوفىتسېرلار ئاساس قىلىنغان يېڭىلىققا كۆچكۈچى يولداشلار ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ چىققان. 1936-يىلى كىتائىككى بىلەن بىللە 26-فېۋرال ۋەقەسىنى قوزغىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.

نىشىنا يوشىئو

  • نىشىنا يوشىئو[يەشمىسى:]1890— 1951) ياپونىيىلىك ئاتوم ئېنېرگىيە مۇتەخەسسىسى. فىزىكا ئىلمىي دوكتورى. 1918-يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتر سانائىتى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1921-يىلى ياۋروپاغا ئوقۇشقا بېرىپ، ئەنگلىيىلىك رۇسېرفورد، دانىيىلىك بور(Bohr) قاتارلىقلارنى ئۇستاز تۇتقان. 1928-يىلى دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، فىزىكا-خىمىيە ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ («فىزىكا تەتقىقاتى») ناگائوكا تەتقىقات ئورنىدا خىزمەت قىلغان.1931-يىلى مەزكۇر جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئورنىنى بەرپا قىلغانئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 23 توننا دەرىجىلىك كىچىك تىپتىكى ۋە 200 توننا دەرىجىلىك چوڭ تىپتىكى ئايلانما تېزلەتكۈچنى ياساپ چىققان. 1948-يىلى «فىزىكا تەتقىقاتى» ئورنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەندە مەزكۇر ئورۇننىڭ باشلىقى بولغان. 1949-يىلى ياپونىيە ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ، «ياپونىيە ئاتوم فىزىكا ئىلمىنىڭ پېشۋاسى» دېگەن نامدىن بەھرىمەن بولغان. مەدەنىيەت ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلانغان.

نىفېررېخۇ ھېكمەتلىك سۆزلىرى

  • نىفېررېخۇ ھېكمەتلىك سۆزلىرى[يەشمىسى:] قەدىمكى مىسىرنىڭ ئەسىرى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ لېنىنگراد شەھىرىدىكى ئېرمىتاژ مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ (پپرۇس — B 1116). ئەسلى ئەسەر يېڭى سۇلالە دەۋرىدىكى كۆچۈرۈلمە دېگەن قاراش بار، بىراق ئۇ ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى ئوتتۇرا سۇلالە دەۋرىدىكى ئەسەر بولۇشى مۇمكىن. ئاپتور نېفىررېخۇ تۆۋەنكى مىسىردىكى خېلىئوپولىس (Helipolis، قۇياش شەھىرى) نىڭ كاھىنى بولۇپ، كونا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى. ئۇ مىسىر تارىخىدىكى نامراتلار بىلەن قۇللارنىڭ بىر قېتىملىق قوزغىلىڭىنى ھۆكۈمالارچە بايان قىلىپ بەرگەن، مۇقەددەس خېلىئوپولىسنى قوزغىلاڭچىلار ئىشغال قىلغان. ئىنكاس قىلىنغان دەۋر توغرىسىدىكى گەپلەر ئوخشاش ئەمەس، ئومۇمەن «بىرىنچى ئوتتۇرا دەۋر» (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅫ ئەسىر) دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئەسەر شۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

نىكاياس

  • نىكاياس[يەشمىسى:]Nikayas، سانسكرىت يېزىقىدا Agamasutra) ئاگاما (Agama) دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. بۇددا دىنى ھىنايانا سوتراپىتاكا (Sutrapitaka) نىڭ ئومۇمىي نامى. مەنە تەرجىمىسى «بۇددا ئەقىدىسى»، بارلىق بۇددا ئەقىدىلىرى «ئاگاماسۇترا» دىن تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن چۈشۈپ قالمىغان دېگەن مەنىدە. ئۇ نەسرىي ئەسەر، دىئالوگ، ھېكايە، پەندى-نەسىھەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇددا دىنىنىڭ قەدىمىي كلاسسىك كىتابى ۋە ئەدەبىي ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. جەمئىي بەش قىسىم. ئاساسىي مەزمۇنى «ساتورساتيا» (Catursatya)، «ئارياستا نگىكامارگا» (Aryastangikamarga)، «داۋاداساڭا پراتىتىيا-ساموتپادا» (Davadasangapratitya samutpada)،«پانساسكاندا» (Pancaskanagha)، «ساتورديانا» (Caturdhyana) ۋە سەۋەب-نەتىجە، ياخشىلىق ۋە يامانلىق، شەپقەت ۋە جازا، سانسار(ھاياتلىق-ماماتلىقنىڭ دەۋر قىلىپ تۇرۇشى) قاتارلىق ھىنايانانىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت. «ماخشاساكاۋىنايا» (Mahisasakavinaya) دا شەرھلىنىشىگە قاراپ، ئومۇمەن ئۇزۇنراقلىرى بىر توپلام قىلىنىپ «ئۇزۇن ئاگاما» (Dirghaagama) دەپ ئاتالغان، ئۇزۇنمۇ ئەمەس، قىسقىمۇ ئەمەسلىرى بىر توپلام قىلىنىپ «ئوتتۇرا ئاگاما» (Madhyamagama)دەپ ئاتالغان «ئوپاساكا» (Upasaka)، «ئوپاسكا» (Upasaka)، پەغپۇر، ھۈر پەرى ۋەز-نەسىھەتلىرى بىر توپلام قىلىنىپ «ساميۇكت ئاگاما» (Samyuktagama) (ئارىلاشما ئاگاما) دەپ ئاتالغان، دارماⅠ (Dharma) دىن دارما Ⅱ غىچە بولغان بۇددا ئەقىدىسى بىر توپلام قىلىنىپ «ئېكوتتارىك ئاگاما» (Ekottarikagama، كۆپەيگەن ئاگاما) دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭدىن قېپقالغان ھەرخىل ئەقىدىلەر بىر توپلام قىلىنىپ «كۇددا كانىكايا»(Khud Dakanikaya) دەپ ئاتالغان «ئاگاماسوترا» نىڭ ئالدىنقى تۆت قىسمى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان. بەشىنچى قىسمى «كۇدداكانىكايا» نىڭ پارچە-پۇرات خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بار. «كۇدداكانىكايا»، «كىچىك ئاگاما» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، ئومۇمەن «دامماپادا» (Dhammapada)، «جاتاكا» (Jataka) قاتارلىق 15 قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نىكا قوزغىلىڭى

  • نىكا قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىدىكى پۇقرالار قوزغىلىڭى. «نىكا!» (Nika يۇنان تىلى بولۇپ، «غەلىبە» دېگەن مەنىدە) دېگەننى شوئار قىلغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. پادىشاھ يۇستىنىئان (Justinianus) نىڭ زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ تۈرلۈك ئالۋان-ياساق ئېلىشى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ خىيانەت قىلىپ، قانۇننى بۇزۇشى سەۋەبىدىن، مىلادى 532-يىلى 1-ئايدا پايتەخت كونستانتىنوپولدا قوزغىلاڭ پارتلىغان. قوزغىلاڭنىڭ ئاساسىي ئاممىسى كۆك پىرقە بىلەن يېشىل پىرقىنىڭ تۆۋەن قاتلام كىشىلىرى بولۇپ، قول-سانائەتچىلەر، ئۇششاق سودىگەرلەر ۋە نامراتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇلار مەھكىمىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، بايلارنىڭ سارايلىرىنى كۆيدۈرۈپ، پادىشاھ ئوردىسىنى قورشىۋالغان. يۇستىنىئان يول قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ، بىرنەچچە نوپۇزلۇق مەنسەپدارنى خىزمەتتىن ئېلىپ تاشلىغان بولسىمۇ، لېكىن پۇقرالارنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى تىنچىتالمىغان. قوزغىلاڭچىلار ھىپاتۇسنى (Hypatius) نى پادىشاھ قىلىپ سايلىغان. يۇستىنىئان قېچىپ كەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، خانىكە تېئودورا (Theodora) تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان. قوزغىلاڭنىڭ سەككىزىنچى كۈنى قوزغىلاڭچىلار بەيگە مەيدانىغا يىغىلغاندا، يۇستىنىئان سەركەردە بېلىسەرو(Belisarius) نى گوت (Gothi) ياللانما قوشۇنى بىلەن مەيدانغا ئەۋەتىپ، قوزغىلاڭچى ئاممىنى قانلىق باستۇرۇپ، 30 مىڭ ئادەمنى قىرىپ تاشلىغان، ھىپاتىئۇسمۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.

نىكلوت

  • نىكلوت[يەشمىسى:]Никлот ؟ — 1160) ئوبودرىتلار (Ободриты) تۆرىسى (تەخمىنەن 1131 — 1160). ئۇزاققىچە پولابىسكىي سلاۋىيان (Полабский Славяне) لىرىنىڭ گېرمانىيە ۋە دانىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1147-يىلى ساكسۇنىيە كىنەزى ھېنرىخ (شىر) گېرمانىيە ۋە دانىيە رىتسارلىرىنى باشلاپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، تاجاۋۇزچىلارنى سۈلھ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. 1160-يىلى ھېنرىخ (شىر) يەنە بىر قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، ھالاك بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئوبودرىتلار گېرمانىيە فېئوداللىرى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.

نىككولىنى

  • نىككولىنى[يەشمىسى:]Giovanni Batlista Niccolini، 1782 — 1861) ئىتالىيە دراماتۇرگى. فلورېنسىيە سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. دەسلەپتە ئالفىرى (Vittorio Alfieri، 1749 — 1803) نىڭ ئەسەرلىرىنى تەقلىد قىلغان. كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە يازغۇچىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ «پروچىدا ئارىلىدىكى جون» دېگەن درامىسى 1282-يىلى سىتسىلىيە ئارىلىدىكى جوننىڭ «سىتسىلىيە كەچلىك ئىبادەت» قوڭغۇرىقىنى بەلگە قىلىپ، خەلقنى قوزغاپ، فرانسىيە ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي ۋەقەگە ئاساسەن يېزىلغان. دراما فلورېنسىيىدە قويۇلغاندا، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.

نىكوپول جېڭى

  • نىكوپول جېڭى[يەشمىسى:] 1396-يىل9-ئاينىڭ 28-كۈنى، سۇلتان باجازېتⅠ باشچىلىقىدىكى تۈركىيە قوشۇنى بىلەن ۋېنگرىيە پادىشاھى سىگىسمۇند (Sigismund) باشچىلىقىدىكى ۋېنگرىيە، پولشا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رىتسارلىرىدىن تەركىب تاپقان ئەھلىسەلىپنىڭ نىكوپول (Nicopolis ياكى Nikopol، ھازىرقى بۇلغارىيىنىڭ شىمالىدا) دا بولغان جېڭى. جەڭ نەتىجىسىدە، ئەھلىسەلىپ مەغلۇپ بولۇپ، سىگىسمۇند ئۆز جېنىنىلا قۇتقۇزۇپ قالغان، تۈركلەر بالقان يېرىم ئارىلىدىكى زومىگەرلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىۋالغان.

نىكوتېرا

  • نىكوتېرا[يەشمىسى:]Ciovanni Nicotera، 1828 — 1894) ئىتالىيە گۈللىنىش ھەرىكىتى ئەربابى، ماززىنىچىلارنىڭ ئەزاسى. 1848-يىلى 5-ئايدا نېئاپول (Неалоиь) قوزغىلىڭى ۋە 1846-يىلى رىم جۇمھۇرىيىتىنى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1857-يىلى پىساكانې (Pisacane) نىڭ جەنۇبىي ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلىشىغا قاتناشقان، كېيىن يەنە گارىبالدىغا ئەگىشىپ، 1860-يىلىدىكى جەنۇبىي ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلىشقا، 1866-يىلدىكى ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش ۋە 1867-يىلدىكى رىمغا يۈرۈش قىلىشقا قاتناشقان. ئىتالىيە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، پادىشاھپەرەسكە!ئايلىنىپ كەتكەن. 1861-يىلدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، ئىككى قېتىم ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى (1876 — 1877، 1891 — 1892) بولۇپ، رادىكاللار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ يىغىلىشىنى مەنئى قىلغان، ئىشچىلار تەشكىلاتىنى تارقىتىۋەتكەن ۋە ئىش تاشلاشقا قاتناشقۇچىلارنى سۈرگۈن قىلغان.

نىكولاس سىتوخ

  • نىكولاس سىتوخ[يەشمىسى:]Nicholas storch) ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى گېرمانىيىدىكى قايتا چوقۇندۇرۇش تەرەپدارلىرىنىڭ رەھبىرى. ئەسلىدە زۋىكائۇ (Zwiskau، ساكسونىيە چېگرىسى ئىچىدە) شەھىرىدىكى توقۇمىچىلىق كارخانىسىدا نىمكار بولغان. ئۇ رەھبەرلىك قىلغان قايتا چوقۇندۇرۇش تەرەپدارلىرىنىڭ زۋىكائۇ شەھىرىدىكى ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى كۈرىشى مۇنزېرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1521-يىلى سىتوخ سۈرگۈن قىلىنىپ، ۋىتتېنبېرگ (Wittenberg، ساكسونىيە چېگرىسى ئىچىدە) قا كۆچۈپ بارغان، ئۇزاق ئۆتمەي يەنە خوف (Hof، باۋارىيە چېگرىسى ئىچىدە) قا كۆچۈپ بارغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۈن-تىنسىز يوقىلىپ كەتكەن.

نىكولاي بالچېسكو

  • نىكولاي بالچېسكو[يەشمىسى:]Nicolae Balcescu، 1819 — 1825) رۇمىنىيە ئىنقىلابىي دېموكراتلىرىدىن، ئىقتىساد ۋە تارىخشۇناس. ئۇششاق ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئاقسۆڭەكلەر ئىمتىيازىغا قارشى تۇرۇش مەخپىي پائالىيىتىگە قاتناشقان، كېيىن مەخپىي تەشكىلات — قېرىنداشلار جەمئىيىتىنى قۇرغان. 1846-يىلى زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، پارىژدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1848-يىلى فرانسىيە فېۋرال ئىنقىلابىغا قاتناشقان ھەمدە پارىژدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان ۋالاخىيە ۋە مولدوۋالىقلارنى يىغىپ، ئىنقىلاب پروگراممىسىنى مۇھاكىمە قىلغان. شۇ يىلى 4-ئايدا ۋەتىنىگە قايتىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كومىتېتىغا قاتنىشىپ، ئۈچ كىشىلىك ئىجرائىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 6-ئايدا، رۇمىنىيىدە ئىنقىلاب پارتلاپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ كاتىپى بولغان. رۇمىنىيىنىڭ بىرلىكى ۋە مىللىي مۇستەقىللىكى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان؛ دېموكراتىك ئىسلاھاتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۇتۇش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك بىۋاسىتە سايلام ھوقۇقىنى قوللىغان. دېھقانلارنىڭ يەر ئىسلاھاتى تەلىپىگە ئەھمىيەت بېرىپ «يەر مۈلكى ھوقۇقى كومىتېتى» نى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر قانۇنى لايىھىسىنى ئىشلەپ چىققان. 7-ئايدا تۈركىيىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشى ۋە روسىيىنىڭ بېسىمى ئارقىسىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قاتنىشىپ، تۈركىيىگە بېرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى سۇنۇشقا مەجبۇر بولغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن،9-ئايدا قولغا ئېلىنغان. شۇ يىلى كۈزدە سىبىئوغا قېچىپ بېرىپ، ۋېنگرىيە ئىنقىلابى بىلەن رۇمىنىيە ئىنقىلابىنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1849-يىلى 7-ئايدا كوسۇت (Kossuth) بىلەن رۇمىنىيە-ۋېنگرىيە سۈلھ لايىھىسىنى ئىمزالىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا فرانسىيە ۋە ئىتالىيىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. «باتۇر مىخائى پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى رۇمىنىيىلىكلەر تارىخى»، «دۇناي دەرياسى ئەتراپىدىكى كىنەزلىكلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

نىكولايⅠ

  • نىكولايⅠ[يەشمىسى:]1) (Павлович Николай Ⅰ، 1796 — 1855). روسىيە پادىشاھى (1825 — 1855). پاۋېلⅠ (Павел Ⅰ) نىڭ ئوغلى. 1825-يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئاكىسى ئالېكساندر Ⅰ تاسادىپىي ئۆلۈپ كېتىپ، ۋارىسى بولمىغانلىقتىن تەخت بوش قالغان. دېكابرىستلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن، پادىشاھ بولغان. ئىچكى جەھەتتە، ئۆزىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئىچكى مەھكىمە — «ئۈچىنچى ئىشخانا» (مەخپىي ساقچى ئورگىنىنى باشقۇرىدۇ) ۋە ژاندارما تەسىس قىلىپ، ھوقۇقنى پادىشاھقا مەركەزلەشتۈرۈشنى ۋە ساقچى-ژاندارما تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن. كرىزىسى كۈنسايىن چوڭقۇرلىشىۋاتقان يانچىلىق تۈزۈمىنى قوغدىغان؛ سىرتقا قارىتا «ياۋروپا ژاندارمىسى» رولىنى ئۆتەپ، پولشا قوزغىلىڭى (1830 — 1831) ۋە ۋېنگرىيە ئىنقىلابى (1848 — 1849) نى باستۇرغان. قىرىم ئۇرۇشى (1853 — 1856) نى ئېلىپ بارغان، ھەممە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، دۆلەت خەزىنىسىنى قۇرۇتۇپ، خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، كېسەل بىلەن ئۆلگەن. (2)نىكولاسⅠ (Nichals I،1841 — 1921) مونتېنېگرو كىنەزى (1860—1910)، پادىشاھى(1910—1918). 1861 — 1862-يىللىرى گېرىتسېگوۋىنانىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭىغا ياردەم بەرگەن. 60-يىللاردا بالقان ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، مىخائىلوⅢ(Mihailo Ⅲ) كە ياردەم بېرىش ئۈچۈن تەختىنى بوشىتىپ بەرمەكچى بولغان. ئىتتىپاق پارچىلانغاندىن كېيىن، يۇگوسلاۋىيانلارنىڭ بىرلىك ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مونتېنېگرونى ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى(1862، 1876 — 1878) غا قاتناشتۇرماقچى بولغان. سىرتقى جەھەتتە روسىيىگە تايانغان، 1868-، 1908-يىللىرى روسىيىنى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلىپ، روسىيە، ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلانغان. مەملىكەت ئىچىدە مۇستەبىت تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، 1905-يىلى ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ، ھوقۇق چەكلىك بولغان پارلامېنت چاقىرىشقا مەجبۇر بولغان. 1908 — 1909-يىللىرى ئۆكتىچىلەر پارتىيىسىنىڭ پائالىيىتىنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە ئارمىيىسى مۇنتېنېگرونى ئىشغال قىلىۋالغان، 1916-يىلى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1918-يىلى بىرلىككە كەلگەن يۇگوسلاۋىيە دۆلىتى قۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقتىن، پارلامېنت تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان.

نىكولايⅡ

  • نىكولايⅡ[يەشمىسى:]Александрович Николай Ⅱ، 1868 — 1918) روسىيىنىڭ ئاخىرقى چارپادىشاھى (1894 — 1917). ئالېكساندرⅢ نىڭ چوڭ ئوغلى. روسىيىدە ھەربىي فېئودال جاھانگىرلىك تەدرىجىي شەكىللىنىۋاتقان مەزگىلدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. «قانخور نىكولاي» دېگەن لەقىمى بار. 1905-يىل 1-ئاينىڭ 9-كۈنى پېتېربۇرگ نامايىشچى ئىشچىلىرىنى قىرغىن قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، روسىيىدىكى تۇنجى قېتىملىق دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1907-يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنى دۆلەت دۇماسىنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تارقىتىۋېتىپ، سوتسىيال دېموكرات ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ دۇمادىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قولغا ئېلىپ، ساقچى ۋە گېزەندىلەرنىڭ تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويغان. سىرتقا قارىتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، جەنۇبتىن ئىراننى بۇلىۋالغان، شەرقتىن جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان. 1896-يىلى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق تۆمۈريولىنى ياساش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان.1898-يىلى لۇيشۈن ۋە داليەننى ئىشغال قىلىۋالغان.1900-يىلى سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى ئىگىلىۋالغان. 1904 — 1905-يىللىرى ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىنى ئېلىپ بارغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، يېكاتېرىنبۇرگ (Екатеринбург، ھازىرقى سۋېردلوۋىسكى)دا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

نىكىياس

  • نىكىياس[يەشمىسى:]Nicias ياكى Nikias مىلادىدىن ئىلگىرى 470 — 413) قەدىمكى ئافىنا سىياسىئونى، گېنېرال. دۆلەتمەن نىكېراتۇ (Niceratus) نىڭ ئوغلى. ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 100 تارانتون مال-مۈلكى بولغان. مۆتىدىل دېموكراتلاردىن بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە پېرىكلىغا يېقىنلىشىپ، كۆپ قېتىم گېنېراللىققا سايلانغان. پېلوپوننېس ئۇرۇشىدا، سپارتا بىلەن كېلىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇرۇشپەرەس كېلئونغا قارشى تۇرغان. مىلادىدىن 421 يىل ئىلگىرى ئافىناغا ۋەكالىتەن سپارتا بىلەن «نىكىياس سۈلھ شەرتنامىسى» (50 يىللىق سۈلھ شەرتنامە) نى ئىمزالاپ، ئۇرۇش توختاتقان. ئالكىبىيادېس (Alkibiades ياكى Alcibiades) پۇقرالار قۇرۇلتىيىدا قايتىدىن ئۇرۇش باشلاپ، سىتسىلىيىگە يۈرۈش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغاندا (مىلادىدىن 415 يىل ئىلگىرى)، قارشى پوزىتسىيىدە بولغان. تەۋەككۈلچىلىك بىلەن لەشكەر تارتىپ چىققاندا، ئافىنا زېمىنىغا خەۋپ يېتىدۇ، دەپ قارىغان. لېكىن ئۇنىڭ توغرا تەشەببۇسى قوبۇل قىلىنمىغان. مىلادىدىن 415 يىل ئىلگىرى پۇقرالار قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ئالكىبىيادېس ۋە لاماكۇس (Lamachus) بىلەن بىللە فلوتقا قوماندانلىق قىلىپ، سىتسىلىيىگە يۈرۈش قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئالكىبىيادېسنى ئافىنا دائىرىلىرى قايتۇرۇپ كېلىپ سوراق قىلغان (گۇناھىدىن قورقۇپ سپارتاغا تەسلىم بولغان) دىن كېيىن، قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ سىتسىلىيىدە ئۇرۇش قىلىپ يۈرۈپ، سىراكۇزنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، دەسلىپىدە ئازراق غەلىبە قىلغان. لاماكۇس قازا قىلغاندىن كېيىن، ئۆزى يالغۇز قوماندانلىق قىلغان، لېكىن ئىرادىسى مۇستەھكەم بولمىغان، ئۇنىڭدىن كېيىن سپارتا ۋە كورىنتس (Korinthos ياكى Corihthus) نىڭ ياردەمچى قوشۇنلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ۋەزىيەت بىراقلا ئۆزگىرىپ كەتكەن. مىلادىدىن 413 يىل ئىلگىرى سۇراكۇ-سپارتا بىرلەشمە ئارمىيىسى ھۇجۇم قىلغان؛ دېموستېنې (Demosthenes، ئافىنادىن ياردەمگە كەلگەن گېنېرال) ئەمەلىي كۈچنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چېكىنىشنى تەشەببۇس قىلغان. نىكىياس ئارىسالدى بولۇپ قېلىپ، بىر قارارغا كېلەلمىگەن، قوشۇننى چېكىندۈرۈشكە قوشۇلغاندا، ئاي تۇتۇلغان ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالغان (خۇراپاتتا پايدىسىز دەپ قارىلىدۇ)؛ نەتىجىدە پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، قورشاۋغا چۈشۈپ قېلىپ، پۈتۈن قوشۇن گۇمران بولغان، دېموستېنې بىلەن ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ ئۆلتۈرۈلگەن. تۇكۇدىدىي (Thucydides ياكى Thoukydides) نىڭ «پېلوپوننېس ئۇرۇشى تارىخى» دېگەن ئەسىرىگە قارالسۇن.

نىگتىنگالې

  • نىگتىنگالې[يەشمىسى:]Florence Nightingale ، 1820 — 1910) ئەنگلىيىلىك ئايال سېسترا. يېقىنقى زامان كۈتۈش ئىلمى ۋە سېسترالىق تەربىيىسىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى. ئىتالىيىدە تۇغۇلۇپ، ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. 1850 — 1851-يىللىرى گېرمانىيىگە بېرىپ سېسترالىق تەربىيىسى ئالغان، كېيىن يەنە فرانسىيىگە بېرىپ ئۆگەنگەن. 1853-يىلى ئەنگلىيىگە قايتىپ ئاياللار دوختۇرخانىسىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. 1854—1856-يىللىرىدىكى قىرىم ئۇرۇشىدا سېسترالارنى باشلاپ ئالدىنقى سەپكە بېرىپ يارىدار ۋە ئاغرىقلارنى قۇتۇلدۇرغان ھەم ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان. شۇنىڭدەك ئۇرۇش مەيدانىدا قۇتقۇزۇش دوختۇرخانىسىنىڭ بىر قاتار باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە يارىدارلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن، يارىدارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئازايتقان. 1860-يىلى ئالغان مۇكاپات سوممىسىنى ئەنگلىيىدە نىگىتىنگالې ئائىلىسىنى قۇرۇپ چىققان، بۇ، ئەنگلىيىدىكى تۇنجى سېسترالار مەكتىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى ئوتتۇز يىل ئىچىدە بىر تۈركۈم سېسترالار مەكتىپىنى قۇرۇشقا ياردەملەشكەن. شۇنىڭدەك غەربىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ سېسترالىق تەربىيىسىنى ئىلگىرى سۈرگەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۈتۈش خىزمىتى ۋە سېسترالىق تەربىيىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. نىگىتىنگالې ھازىرقى زامان سېسترالىق خىزمىتىنىڭ پېشۋاسى دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇنىڭ «دوختۇرخانا خاتىرىلىرى» ۋە«سېسترالىق خاتىرىسى» ناملىق كىتابلىرى بار.

نىگېرىيە مۇستەملىكە ھامىيلىق دۆلىتى

  • نىگېرىيە مۇستەملىكە ھامىيلىق دۆلىتى[يەشمىسى:] ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىكى نىگېرىيىنىڭ نامى. 1861-يىلى ئەنگلىيە لاگوبىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، نىگېرىيىدە تۇنجى مۇستەملىكىسىنى قۇرۇپ چىققان. 1884-يىلى «نېفىت ئۆستىڭى ھامىيلىق دۆلىتى» (كېيىن نىگېر دېڭىز قىرغىقى ھامىيلىق دۆلىتى دېگەنگە ئۆزگەرتىلگەن) نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. 1886-يىلى «خانلىق نىگېر شىركىتى» گە ئالاھىدە ھوقۇق بېرىپ، ئۇنىڭ جايلارنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈشىگە، ھەربىي، سىياسىي ھوقۇققا ئىگە بولۇشىغا رۇخسەت قىلغان. شىركەت نىگېرىيىنىڭ جەنۇبتىكى فېدېراتسىيىلىرىنى پىلە قۇرتىدەك يەپ، 1887-يىلى ئوپوبو (Opobo) پادىشاھى جاجانى سۈرگۈن قىلغان،1893-يىلى ئويو پادىشاھلىقى بىلەن ئابېئوكۇتا (Abeokuta)نى زورلاپ ھامىي دۆلەتكە ئايلاندۇرغان؛ 1897-يىلى بېنىن پادىشاھلىقىنى ئىگىلىۋالغان. 1900-يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى «خانلىق نىگېر شىركىتى» نىڭ ئالاھىدە ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئۇنىڭ ئىلكىدىكى زېمىنىنى «نىگېر دېڭىز قىرغىقى ھامىيلىلىق دۆلىتى» گە قوشۇپ، «نىگېرىيە ھامىيلىق دۆلىتى» نى قۇرۇپ چىققان. 1900—1906-يىللىرى ئەنگلىيە فۇلانى (Fulani) ۋە بورنونى بويسۇندۇرۇپ، «شىمالىي نىگېرىيە ھامىيلىق دۆلىتى» نى قۇرغان. 1914-يىلى ئەنگلىيە بارلىق قارام يەرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، «نىگېرىيە مۇستەملىكە ھامىيلىق دۆلىتى» نى قۇرۇپ چىققان ھەمدە بۇنى ئەنگلىيە باش ۋالىيسى باشقۇرغان. 1916-يىلى ئەنگلىيە «يەرلىكلەر ھاكىمىيىتى قانۇنى» نى جاكارلاپ، ۋاسىتىلىك ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ، ئەنگلىيىلىك باش ۋالىي يەرلىك ھۆكۈمرانلارنى مۇستەملىكە دائىرىلىرىگە قاراشلىق ئەمەلدارلىققا تەيىنلىگەن. 1954-يىلى ئەنگلىيە نىگېرىيىنىڭ ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسى ئىچىدە ئىچكى ئاپتونومىيىسىنى يولغا قويۇپ، نامنى نىگېرىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى دەپ ئۆزگەرتىشىگە قوشۇلغان.

نىم نولىرى

  • نىم نولىرى[يەشمىسى:] «گار نولىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى رىم ھۆكۈمرانلىرى تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى يەتكۈزۈپ تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇپ چىققان چوڭ تىپتىكى سۇ باشلاش ئۆستىڭى. مىلادى 100-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە، پايتەخت رىمدا توققۇزدىن كۆپرەك سۇ يولى قېزىلغان. سۇ يولى تاغ-داۋانلاردىن ئۆتۈپ، ئويمان جايلارغا كەلگەندە تاشتىن قوپۇرۇلغان ئەگمە نولاردىن ئۆتكەن. فرانسىيىدىكى نىم (Nimes) سۇ يولى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 50 نەچچە كىلومېتر كېلىدۇ، ئۇ مىلادىدىن 19 يىل ئىلگىرى ياسالغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى ۋە ئوبدان ساقلىنىپ قالغىنى گار دەرياسىنىڭ ئۈستىگە ياسالغان گار نوسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 275 مېتر، ئېگىزلىكى 49 مېتر كېلىدۇ. ئۇ يۇقىرى-تۆۋەن ئۈچ قەۋەت بولۇپ، تاش بىلەن ئېگىپ ياسالغان (تۆۋەن قەۋىتى ئالتە، ئوتتۇرا قەۋىتى 11، يۇقىرى قەۋىتى 35). نونىڭ ئاستى — ئادەم ئۆتىدىغان كۆۋرۈك، ئۈستى— سۇ ماڭىدىغان كۆچۈمە. شۇ جايدىكى ھاك تاشلاردىن قوپۇرۇلغان. 1855 — 1859-يىللىرى رېمونت قىلىنغان.

نىمتىز

  • نىمتىز[يەشمىسى:]Chesyten William Nimitz، 1885 — 1966) ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى (admiral). 1905-يىلى دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا ئاتلانتىك ئوكيان سۇ ئاستى پاراخوتلىرى فلوتىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1939 — 1941-يىللىرى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى مىنىستىرلىكى دېڭىز قاتناش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. پيورل-خاربور ۋەقەسىدىن كېيىن، تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ قوماندانى ھەمدە قوشۇمچە تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ باش قوماندانى بولغان.1942-يىلى گۋادالكاتال ئارىلىدىكى ياپونغا قارشى دېڭىز ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئىككىنچى يىلى سولومون تاقىم ئاراللىرى، گىلبېرت تاقىم ئاراللىرى ۋە مارشالل تاقىم ئاراللىرى جېڭىنى قوزغىغان. 1944-يىلدىن باشلاپ سايپان ئارىلى قاتارلىق جايلارنى بازا قىلىپ، ياپونىيە زېمىنىنى يىراقتىن بومباردىمان قىلغان. 1945-يىلى 9-ئايدا ياپونىيىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئۇرۇش قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان ھەمدە ب د ت كەشمىر تالاش-تارتىشنى كېلىشتۈرۈش كومىتېتىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. «دېڭىز ئارمىيىسى قۇدرەتلىك دۆلەت: دېڭىز ئارمىيىسى تارىخى» دېگەن ئەسىرى بار.

نىنېۋې

  • نىنېۋې[يەشمىسى:]Nineveh) ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى. دەجلە دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقى (ھازىرقى ئىراقنىڭ موسۇل دېگەن يېرىنىڭ يېنى) غا جايلاشقان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئاسسۇرىيە پادىشاھى سېنناخېرىب (Sennacherib) يېڭى پايتەخت قىلىپ قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن تارىختىكى پادىشاھلار كېڭەيتىپ، ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزىگە شۇنداقلا غەربىي ئاسىيا رايونى بويىچە سودىگەرلەر توپلىشىدىغان سودا بازىرىغا ئايلانغان. ئاسسۇرىيە ئىستېلاچىلىرى كۆپلىگەن ئۇرۇش غەنىيمەتلىرى (قۇللارمۇ بار) نى قولغا كىرگۈزۈپ ھەمدە جايلاردىن رەھىمسىزلىك بىلەن ئولپان يىغىپ، نىنېۋېنى بايلىق بىلەن تولدۇرۇۋەتكەن، ئۇ قەدىمكى ھۈججەتلەردە «قانلىق شەھەر» دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن 612 يىل ئىلگىرى، مېدىيە (Media) لىكلەر بىلەن خالدانلار (Халдайчы ياكى Chadeans) نىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى شەھەرنى تارتىۋېلىپ، ۋەيران قىلغان (بۇ، تارىختا «نىنېۋې شەھىرىنىڭ قولدىن كېتىشى» دەپ ئاتىلىدۇ). ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئارخېئولوگلار بۇ يەردىن تەخمىنەن 211 ئېغىز مېھمانخانىسى ۋە 30 ھويلىسى بولغان غايەت زور خان ئوردىسى خارابىسىنى قېزىپ چىققان، ئۇنىڭ تاملىرىغا غايەت زور ئاجايىپ ھايۋانلارنىڭ سۈرىتى نەقىشلەنگەن يەنە مەشھۇر «ئاسۇربانىپال كۇتۇپخانىسى» (Assurbanipal) نى قېزىپ چىققان، ئۇنىڭدا 20 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق مىخ يېزىقلىق سېغىز بەت ساقلانغان بولۇپ، بۇ دىنىي رىۋايەت، ئەدەبىي ئەسەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇلار ئاسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تارىخى ۋە ئىككى دەريا ۋادىسى رايونلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنى مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن.

نېبۇر

  • نېبۇر[يەشمىسى:]Barthold Georg Niebuhr، 1776 — 1831) گېرمانىيە بۇرژۇئا تارىخشۇناسى. 1806 — 1810-يىللىرى پرۇسسىيە ئەمەلدارى بولغان. 1810 —1812-يىللىرى بېرلىن پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى، بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتى رىم تارىخى پروفېسسورى بولغان. 1816 — 1823-يىللىرى پرۇسسىيىنىڭ رىمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان. 1823-يىلدىن باشلاپ بونن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۈچ توملۇق «رىم تارىخى» دېگەن ئەسىرىدە رىم ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئەڭ بۇرۇن مۇئەييەنلەشتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەنقىدىي تارىخشۇناسلىققا ئاساس سالغان، ⅩⅨ ئەسىر گېرمانىيە تارىخشۇناسلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەلگىلىك ھەسسە قوشقان.

نىئېلسېن

  • نىئېلسېن[يەشمىسى:]1) كارل نىئېلسېن (Cari Nielsen، 1865 — 1931). دانىيە كومپوزىتورى. يېزا سازەندىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كوپېنھاگېن پادىشاھلىق مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1891-يىلى سىمفونىيىلىك ئوركېستىر ئۆمىكىگە قاتناشقان. 1908 — 1914-يىللىرى ئوركېستىرنىڭ دىرىژورى بولغان. كېيىن كوپېنھاگېن پادىشاھلىق مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدە سەييارە ئويۇن قويغان. ئەسەرلىرى ئىچىدە ئالتە سىمفونىيە (Symphony) تەڭكەش قىلىپ چېلىنغان ئۈچ مۇزىكا، ئىككى ئوپېرا بەكمۇ مەشھۇر.بۇلاردىنباشقايەنە«ھايات مۇزىكىسى»، «بالىلىق دەۋرىم» دېگەن ئەسەرلىرى بار. (2) رۇدولف نىلسېن (Rudolf Nilsen، 1901 — 1929) نورۋېگىيە شائىرى. ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1923-يىلى نورۋېگىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. 1924 — 1926-يىللىرى نورۋېگىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى گېزىت-ژۇرناللىرىنىڭ تەھرىرلىكىگە قاتناشقان. ئەسەرلىرىدە كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ھەمدە خەلقنى كۈرەشكە چاقىرغان. «تاشلىق تۇپراقتا»، «خەير خوش»، «خىزمەت كۈنى» دېگەن شېئىرلار توپلىمى بار.

نىئىدا نوبورۇ

  • نىئىدا نوبورۇ[يەشمىسى:] 1904 — 1966) ياپونىيىلىك تارىخشۇناس، قانۇن ئىلمىي دوكتورى. 1928-يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. شەرق مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ توكيو تەتقىقات ئورنىدا خىزمەت قىلغان. ناكائىسامۇ (1877 — 1967) نىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭگونىڭ قانۇن-تۈزۈم تارىخىنى تەتقىق قىلغان. 1942-يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ياپونىيە مەدەنىيىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ پروفېسسورى بولغان.1964-يىلى ئارامغا چىققان. 1965 — 1966-يىللىرى ئەنگلىيىگە بېرىپ دەرس سۆزلىگەن. دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ «تاڭ سۇلالىسى پەرمانلىرىدىن تەرمىلەر»، «تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرى قانۇن ھۈججەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات»، «جۇڭگونىڭ قانۇن تارىخى»، «جۇڭگو جەمئىيىتى ۋە گۇئىلد»، «جۇڭگو يېزىلىرىدىكى ئاھالە»، «جۇڭگونىڭ قانۇن-تۈزۈم تارىخى»، «جۇڭگو ئىجتىمائىي قانۇن-تۈزۈم ۋە ئەدەب-ئەخلاق قائىدىلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

نيۇتون

  • نيۇتون[يەشمىسى:]Isaac Newton ، 1642 — 1727) ئەنگلىيىلىك فىزىك، ماتېماتىك. ياش ۋاقتىدا كېمبىرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1669 — 1701-يىللىرى كېمبىرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان. گالىلېي قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىپ، كلاسسىك مېخانىكا ئاساسىنى تۇرغۇزغان، «نيۇتون ھەرىكەت قانۇنى» نى ئىجاد قىلغان. كېيىن يەنە كېپلېر قاتارلىق كىشىلەرنىڭ خىزمەتلىرى ئاساسىدا پۈتۈن ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىققان.1666-يىلى يەنە ئاق نۇرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوخشىمىغان رەڭدىكى (يەنى ئوخشىمىغان دولقۇن ئۇزۇنلۇقى) نۇرلاردىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇ كەشپىيات سپېكترلىق تەھلىلنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان. تېرمولوگىيە جەھەتتە، سوۋۇتۇش قانۇنىيىتىنى بېكىتىپ چىققان. ئاسترونومىيە جەھەتتە رېفلېكتورلۇق دۇربۇننى ياساپ چىقىپ، سەييارىلەر ھەرىكىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە كۆزەتكەن. ماتېماتىكا جەھەتتە «فلوكسىيە ئۇسۇلى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرالىنىڭ ئىجادچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. پەلسەپە ئىدىيىسى جەھەتتە، تەبىئىي ماتېرىيالىزمچى بولۇپ، زامان ۋە ماكاننىڭ ئوبيېكتىپلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، لېكىن يەنە مەلۇم سىرتقى «تۇنجى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ» نىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا نەرسىلەر جىملىقتىن ھەرىكەتلىنىشكە باشلايدۇ، دەيدىغان خاتا كۆز قاراشنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

نيۇرات

  • نيۇرات[يەشمىسى:]Constantin Freiherr Neurath Von، 1873 — 1956) گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1932 — 1938). 1901-يىلدىن باشلاپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە خىزمەت قىلغان. 1903-يىلى ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇل بولغان. 1914-يىلى تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1916 — 1918-يىللىرى ۋېتېمبۇرگ شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1919-يىلى دانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1922-يىلى ئىتالىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. 1930-يىلى ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. 1932-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ پاپېن، سېلېيشېر ۋە گىتلېر ھۆكۈمەتلىرىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1938-يىلى بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى ۋە مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1939 — 1943-يىللىرى فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ چېخوسلوۋاكىيىنىڭ بوھىمىيە ۋە مۇراۋىيە قاتارلىق جايلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئەمەلدارى بولغان. 1933-يىلى ناتسىست پارتىيىسى ۋە ئېسئېسچىلار ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، ئېسئېسچىلار ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال لېيتنانتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1943-يىلى ئېسئېسچىلار ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال پولكوۋنىكلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن نيۇرنبېرگ خەلقئارا ھەربىي سوت تەرىپىدىن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 1954-يىلى قويۇپ بېرىلگەن.

نيۇرنبېرگ سوتى

  • نيۇرنبېرگ سوتى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ باش ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئۈستىدىن قىلىنغان خەلقئارا سوت. 1945-يىل 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 1946-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە گېرمانىيىنىڭ نيۇرنبېرگ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان. 1945-يىل 8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت لوندوندا ئىمزالىغان ياۋروپا ئوق مەركىزىي دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسلىق ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ۋە ئۇلارنى جازالاش توغرىسىدىكى كېلىشىمى ۋە ياۋروپا خەلقئارا ھەربىي سوت نىزامنامىسىگە ئاساسەن، يۇقىرىدىكى تۆت دۆلەتتىن تەركىب تاپقان سوت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. سوت گېرىڭ قاتارلىق 12 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى، يەتتە كىشىگە قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان ھەمدە ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى، ئېسئېسچىلار، مەخپىي ساقچى (يەنى گېستاپو) قاتارلىقلارنى جىنايەتكار تەشكىلات دەپ جاكارلىغان؛ سوتنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە چاڭگىلىغا ئېلىۋالغانلىقتىن، گېرمانىيە ئىچكى كابىنېتى، قوماندانلىق شتابى ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى ئالىي قوماندانلىق شتابى قاتارلىقلار جىنايەتكار تەشكىلات دەپ جاكارلانمىغان.

نيۇرنبېرگ قانۇنى

  • نيۇرنبېرگ قانۇنى[يەشمىسى:] ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قانۇنى. 1935-يىل 9-ئاينىڭ 15-كۈنى گىتلېر نيۇرنبېرگتىكى ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللەر يىغىنىدا بۇ قانۇننى ئېلان قىلغان. بۇ قانۇن يەھۇدىيلار ⅩⅨ ئەسىردىن باشلاپ بەھرىمەن بولغان پۇقرالىق باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قايتىدىن تارتىۋېلىپ، يەھۇدىيلار «دۆلەت پۇقراسى» ھېسابلانمايدۇ، ئۇلار سايلام ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بولمىغان «دۆلەت بېقىندى پۇقراسى»غا ئايلاندۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ئىجتىمائىي كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئارىئانلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ نىكاھلىنىشى(«نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەت» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. ھەتتا يەھۇدىيلارنىڭ نېمىسلار ئىشلىتىدىغان رەڭ، بايراق قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشىمۇ مەنئى قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ قانۇن ئاساسىدا يەنە 13 ماددىلىق قوشۇمچە پەرمان ئېلان قىلىپ، يەھۇدىيلارنى ئومۇميۈزلۈك چەتكە قېقىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، يەھۇدىيلارنىڭ گېرمانىيىدىكى تىرىكچىلىك ھوقۇقىنى تەدرىجىي تارتىۋالغان.

نيېسزاۋا نىزامى

  • نيېسزاۋا نىزامى[يەشمىسى:] 1454-يىلى پولشا كىچىك ئاقسۆڭەكلىرى پادىشاھ كاسمىر Ⅳ (Casimir Ⅳ، 1447 — 1492-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نى نيېسزاۋا (Niesizawa) شەھىرىدە جاكارلاشقا مەجبۇر قىلغان نىزام. ئۇ چوڭ پولشا (پولشانىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى) بىلەن كىچىك پولشا (پولشانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى)دا ئايرىم-ئايرىم جاكارلانغان ئىككى نىزامدىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: ئەمىر-پەرمان جاكارلاش، ئۇرۇش ئېلان قىلىش — سۈلھ تۈزۈشكە ئوخشاش مۇھىم ئىشلاردا يەرلىك كىچىك ئاقسۆڭەكلەر پارلامېنتى (كىچىك پارلامېنت) نىڭ رازىلىقىنى ئېلىش؛ كىچىك ئاقسۆڭەكلەر ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، ئومۇمەن پادىشاھ ئەمەلدارلىرى ئۇلارنى سوراققا تارتماسلىق؛ چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يۇقىرى مەنسەپلەرنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىۋېلىش ئىمتىيازىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەمدە شەھەرلەرنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەش؛ قاچقان يانچىلارنى ئەسلى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش ھەمدە كىچىك ئاقسۆڭەكلەرگە دېھقانلار ئەنزىلىرىنى سوراق قىلىش ھوقۇقى بېرىشتىن ئىبارەت. بۇ نىزام پولشادا فېئوداللىق تەبىقە پادىشاھلىق تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.