ئۇ🔗

ئۇ

ئۇتىكا

ئۇرۇگۋايدىكى 33 نەپەر ئۆچمەس زاتنىڭ ئۇرۇشى

ئۇ ئاۋباتا

ئۇپالى

ئۇپانىشاد

ئۇپسالا يىغىنى

ئۇترېچ سۈلھ شەرتنامىسى

ئۇترېچ ئىتتىپاقى

ئۇچۇۋاتقان ئوقيا ھەرىكەتلەنمەيدۇ

ئۇر

ئۇرارتۇ

ئۇربانۇسⅡ

ئۇرىبې پېدراھىتا

ئۇر ناممۇ

ئۇرۇش چېكى سىياسىتى

ئۇرۇشماسلىق ئەھدىنامىسى

ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كوممۇنىزم

ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرى

ئۇرۇقداشلىق

ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىن ئىلگىرىكى كوممۇنا

ئۇرۇقداشلىق جامائەسى

ئۇرۇق ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى

ئۇرۇك

ئۇرۇكاگىنا

ئۇرۇك مەدەنىيىتى

ئۇر ئۈچىنچى خاندانلىقى

ئۇزۇن مۇددەتلىك پارلامېنت

ئۇزۇن مىلتىقلىقلار پارتىيىسى

ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك پادىشاھ

ئۇزۇن ئىشتانلىقلار

ئۇسپېنىسكى

ئۇستاشا

ئۇشاكوۋ

ئۇششاق بۇرژۇئا سوتسىيالىزمى ⅩⅨ

ئۇلبرىخىت

ئۇلپىيانۇس

ئۇلۇس

ئۇلۇغبەگ

ئۇكاما شىگېنوبۇ

ئۇكۇ شېگېمتېسۇ

ئۇكسمال

ئۇگارىت

ئۇگاكى ئىسېئى

ئۇمەر

ئۇمەييە خاندانلىقى

ئۇمبېرت

ئۇمبىرىلار

ئۇمما

ئۇنامۇنو

ئۇندسېت

ئۇنېتىسى مەدەنىيىتى

ئىزاھى

ئۇتىكا

  • ئۇتىكا[يەشمىسى:]Utica) شىمالىي ئافرىقىدىكى قەدىمىي شەھەر. كارفاگېن قولتۇقىنىڭ (بۈگۈنكى تۇنىس قولتۇقى) شىمالىي تەرىپىگە، ئوتتۇرا دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان باگراداس دەرياسى (Bagradas، بۈگۈنكى مېدجېردا Medjerda دەرياسى) ئېغىزىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان. شەرقىي جەنۇبىي تەرىپى كارفاگېن شەھىرىگە 25 كىلومېتر كېلىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلى (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرى) فېنكىيانلار (Phoenician) تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان. بۇ شەھەرنىڭ يەر تۈزۈلۈشى قولايلىق، تەبىئىي پورتلىرى بولغانلىقتىن ناھايىتى تېزلا شىمالىي ئافرىقىنىڭ ئاساسلىق سودا شەھىرىگە ئايلىنىپ قالغان. شۇنداقلا مۇھىم ستراتېگىيىلىك قىممەتكە ئىگە بولغان. كارفاگېن زېمىنىدا بۇ شەھەر بەلگىلىك مۇستەقىللىككە ئىگە بولغان. ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا رىم قوماندانى سىكپىسىئو ئافرىكانۇس مۇشۇ يەردىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ (مىلادىدىن 204 يىل ئىلگىرى) كارفاگېنغا ھۇجۇم قىلغان. ئۈچىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشىدا (مىلادىدىن ئىلگىرى 149 — 146-يىللىرى) ئوتىكا رىمنى قوللىغان، ئۇرۇشتىن كېيىن رىم ئافرىقا ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 46-يىلى پومپېيۇسچىلار كائېسارغا قارشى چىقىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ماركۇس پوركىئوس كاتو مۇشۇ يەردە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. مىلادى 439-يىلى ۋانداللارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. 534-يىلى شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى بېسىۋالغان. Ⅷ ئەسىردە ئەرەبلەر تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. 

ئۇرۇگۋايدىكى 33 نەپەر ئۆچمەس زاتنىڭ ئۇرۇشى

  • ئۇرۇگۋايدىكى 33 نەپەر ئۆچمەس زاتنىڭ ئۇرۇشى[يەشمىسى:] 1825 - 1828-يىللىرى ئۇرۇگۋاينىڭ برازىلىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. 1821-يىلى ئۇرۇگۋاي پورتۇگالىيىگە قارام برازىلىيىنىڭ بىر شتاتىغا ئايلىنىپ قېلىپ، سىبوراتىن شتاتى دەپ ئاتالغان. 1822-يىلى برازىلىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئۇرۇگۋاي يەنىلا برازىلىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قېلىۋەرگەن. 1825-يىل 4-ئاينىڭ 19-كۈنى لاۋاللىژا (Juan Antonio Lavllija، 1784 — 1853) باشچىلىقىدىكى 33 نەپەر ۋەتەنپەرۋەر يوشۇرۇنچە ئارگېنتىنادىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ ئاممىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇرۇگۋاينىڭ مۇستەقىللىكى ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلانغان. 8-ئايدا ئۇرۇگۋاي برازىلىيىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان، ياردەمگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئارگېنتىناغا قوشۇلۇپ كەتكەن. شۇ سەۋەبتىن برازىلىيە ئارگېنتىناغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان. ئۇرۇش ئۈچ يىلغا سوزۇلۇپ، برازىلىيە مەغلۇپ بولغان. ئەنگلىيىنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈشى ئارقىلىق برازىلىيە بىلەن ئارگېنتىنا 1828-يىلى 8-ئايدا سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاپ، ئۇرۇگۋاينىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇگۋاي شەرقىي قىرغاق جۇمھۇرىيىتى دۇنياغا كەلگەن. لاۋاللىژا قاتارلىق 33 نەپەر كىشى «33 نەپەر ئۆچمەس زات» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولغان.

ئۇ ئاۋباتا

  • ئۇ ئاۋباتا[يەشمىسى:]U Awbatha، 1758 — 1798) بىرمىلىق راھىب، ئەدىب، مىنبۇدا تۇغۇلغان. 10 توپلام «بۇدساتۋانىڭ يارالمىشتىن بۇرۇنقى ھېكايىلىرى توپلىمى» نى سانسكرىت ۋە پالى يېزىقىدىن بىرما يېزىقىغا تەرجىمە قىلغان (ھازىرغىچە سەككىز تومى ساقلىنىپ قالغان)، قەلىمى ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ، بىرما ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن.

ئۇپالى

  • ئۇپالى[يەشمىسى:]Upali، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅤئەسىردە) مەنە تەرجىمىسى— «يېقىندىن ئېلىش» ياكى «يېقىندىن تۇتۇش»، بۇددا دىنىنى ياراتقۇچى ساكيامۇنىنىڭ ئون چوڭ شاگىرتىنىڭ بىرى. كاپىلاۋاستۇ دۆلىتىدىن بولۇپ، سۇدرا ۋارناسىغا تەۋە، ساكيا خان سارىيىدا ساتىراشلىق قىلغان؛ ساكيا مۇنى جاھان كەزگىلى چىققاندا، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان. دىن ئەھكاملىرى (ۋىنايا) نى ئادا قىلىشتا بىرىنچى بولۇش بىلەن داڭق چىقارغان. بۇددا دىنى ئەسەرلىرىدە خاتىرىلىنىشىچە، راجاگارخا (Rajagarha) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق بۇددا دىنى يىغىنىدا ئۇ يادقا ئوقۇغان پەرھىز قىلىنىدىغان ئىشلار كېيىن «ۋىنايا پىتاكا» بولۇپ تۈزۈلگەن. 

ئۇپانىشاد

  • ئۇپانىشاد[يەشمىسى:] قەدىمكى ھىندىستان براخمان دىنىنىڭ كلاسسىك كىتابى. ئۇ «ۋېدا» كلاسسىك ئەسىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسمى بولۇپ، «ۋېدانتا» (Vedanta) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مەنىسى «ۋېدانىڭ ئاخىرى» دېگەنلىك. براخمان دىنى تەرەققىي قىلىپ، «ئورمان كىتابى» ۋە «ئۇپانىشاد» دەۋرىگە كەلگەندە، نەزىر-چىراغ قىلىشقا ئەمەس، بەلكى پەلسەپىۋى قائىدىلەرگە ئېتىبار بېرىشكە باشلاپ، پىكرەنلىك يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلغان. بۇ كىتاب پەلسەپىۋى مۇھاكىمىلەر توغرىسىدىكى مۇھىم خاتىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، براخمان دىنىنىڭ پەلسەپە دەرسلىكىدۇر. ئومۇمەن نەسرىي ئەسەر بولۇپ، دادىسى ئوغلىغا، ئۇستازى شاگىرتىغا ئۆگىتىدىغان مەخپىي قائىدىلەردىن ئىبارەت. يەتكۈزۈش جەريانىدا يېڭى مەزمۇنلار ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇپ تۇرغانلىقتىن، مەنىسىنى يېشىشتىكى ئىختىلاپلار كۈنسايىن ئېغىرلاشقان، ئۇپانىشادمۇ كۈنسايىن كۆپەيگەن، ئۇنىڭ ھازىر ساقلىنىۋاتقان تۈرلىرىلا 100 خىلدىن ئاشقان. ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئىچىدە قەدىمكى ۋېدا ئەسەرلىرىگە كىرىدىغىنى پەقەت 13 خىل دەپ قارىلىدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ — Ⅶ ئەسىرلەردە كىتاب بولۇپ چىققان. مەزمۇنى ناھايىتى ئارىلاش بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى «بۇت مەن بىلەن بىللە» ۋە «ئايلىنىپ قۇتۇلۇش» تىن ئىبارەت. «ئۇپانىشاد» ئىدېئالىستىك ۋېدانتا ئېقىمى پەلسەپىسىنىڭ مۇھىم تىپىك ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

ئۇپسالا يىغىنى

  • ئۇپسالا يىغىنى[يەشمىسى:] 1593-يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە شۋېتسىيىنىڭ ئۇپسالا (Uppsala) دېگەن يېرىدە ئېچىلغان دىنىي يىغىن. نىكولائۇس بوتنېسىس (Nicolaus Bothniensis) يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىن جون Ⅲ نىڭ ئىبادەت مۇراسىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مارتىن لۇتىر مەزھىپىنى شۋېتسىيىنىڭ رەسمىي دۆلەت دىنى دەپ بېكىتىپ، باشقا دىنىي مۇراسىملارنى مەنئى قىلغان. يىغىن قارارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى زاتلارنىڭ ئىمزا قويۇپ قوللىشىغا ئېرىشكەن. يىغىندىن كېيىن پوپلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ھەمدە شۋېتسىيىنىڭ دىنىي ئىسلاھاتى مۇستەھكەملەنگەن.

ئۇترېچ سۈلھ شەرتنامىسى

  • ئۇترېچ سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] ئىسپانىيىدىكى تەخت ۋارىسلىقىنى تالىشىش ئۇرۇشلىرىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بىر قاتار قوش تەرەپ سۈلھ شەرتنامىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. گوللاندىيىنىڭ ئۇترېچ شەھىرىدە ئىمزالانغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇلار: فرانسىيە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەنگلىيە، گوللاندىيە، پرۇسسىيە، ساۋوييە، پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن تۈزگەن سۈلھ شەرتنامىسى (1713-يىلى 4-ئاي)؛ ئەنگلىيە-ئىسپانىيە سۈلھ شەرتنامىسى (1713-يىلى 7-ئاي)؛ ئىسپانىيە-ساۋوييە سۈلھ شەرتنامىسى (1713-يىلى 7-ئاي)؛ ئىسپانىيە-گوللاندىيە سۈلھ شەرتنامىسى 1714-يىلى 6-ئاي)؛ئىسپانىيە-پورتۇگالىيە سۈلھ شەرتنامىسى (1715-يىلى 2-ئاي) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. فرانسىيە بىلەن ئاۋسترىيە 1714-يىلى 3-ئاي ۋە 9-ئايدا «راستات سۈلھ شەرتنامىسى» ۋە «بادېن سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. «ئۇترېچ سۈلھ شەرتنامىسى»دا: ھەرقايسى دۆلەتلەر بوربون خان جەمەتىدىن بولغان فېلىپنى ئىسپانىيىنىڭ كورۇلى دەپ ئېتىراپ قىلىش، لېئۇ ۋە ئۇنىڭ تەخت ۋارىسلىرى فرانسىيىنىڭ كورۇللۇقىنى قوشۇمچە ئۆتەش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. ئەنگلىيە ئىسپانىيىنىڭ جەبىلتارىق، مىنوركا (Minorca) ئاراللىرىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان، شۇنداقلا ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلىرىدە مەخسۇس نىگېر قۇللارنى سېتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن (قەرەلى 30 يىل)؛ شىمالىي ئامېرىكىدىكى نيۇ فاندلېند، ئاكادىيا (Acadia) ۋە ھۇدزون قولتۇقى قاتارلىق فرانسىيە ھامىيلىقىدىكى يەرلەرگە ئىگە بولۇۋالغان. ئىسپانىيە يەنە ئۆزىنىڭ ھامىيلىقىدىكى لومباردىيە، نېئاپول، ساردىن ۋە جەنۇبىي نېدېرلاندىيە قاتارلىق جايلارنى ئاۋسترىيىگە بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. سىتسىلىيە ساۋوييىگە بۆلۈپ بېرىلگەن. سۈلھ شەرتنامە ئەنگلىيىنىڭ دېڭىزدىكى ۋە مۇستەملىكە يەرلىرىدىكى ھوقۇقىنى ناھايىتى كۈچەيتىۋەتكەن. فرانسىيىنىڭ ياۋروپاغا زومىگەرلىك قىلىش ۋەزىيىتى ئاياغلاشقان.

ئۇترېچ ئىتتىپاقى

  • ئۇترېچ ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] نېدېرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە، شىمالدىكى يەتتە ئۆلكە ۋە جەنۇبتىكى قىسمەن شەھەرلەر 1579-يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇترېچ (Utrecht، ھازىرقى گوللاندىيە چېگرىسى ئىچىدە) شەھىرىدە قۇرغان ھەربىي، سىياسىي ئىتتىپاق. ئىتتىپاق ئاساسەن ئارراس ئىتتىپاقى بىلەن قارشىلىشىپ، شىمالدىكى ئىنقىلاب مېۋىسىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان. بىرلىككە كەلگەن ئارمىيە قۇرۇش، بىرلىككە كەلگەن باج پىرسەنتى، پۇل تۈزۈمى ۋە ئۆلچەم بىرلىكىنى ئىشلىتىش، ئورتاق ھەربىي ۋە تاشقى سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىشنى بەلگىلىگەن. ئىتتىپاق شىمالدىكى يەتتە ئۆلكىنىڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلكە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سالغان.

ئۇچۇۋاتقان ئوقيا ھەرىكەتلەنمەيدۇ

  • ئۇچۇۋاتقان ئوقيا ھەرىكەتلەنمەيدۇ[يەشمىسى:] قەدىمكى يۇناندىكى ئېرىيىچى پەيلاسوپ زېنون ئوتتۇرىغا قويغان بىر قائىدە. ئۇ پارمېندېسنىڭ «مەۋجۇدىيەت نەزەرىيىسى» نى ئىسپاتلاپ، ھەرقانداق ھەرىكەت بولۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئىنكار قىلىشنى مەقسەت قىلغان. بۇنىڭ مەزمۇنى ئومۇمەن مۇنداق:ئۇچۇۋاتقان ئوقيا جىمجىت ھالەتتە تۇرىدۇ؛ چۈنكى ھەربىر نەرسە ئۆزى بىلەن باراۋەر بوشلۇقنى ئىگىلىگەندە جىمجىت ھالەتتە تۇرىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇچۇۋاتقان نەرسىلەر ھەش-پەش دېگۈچە ھامان ئۆزى بىلەن تەڭ كېلىدىغان بوشلۇقنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇمۇ چوقۇم جىمجىت ھالەتتە تۇرغان بولىدۇ. دېمەك، ئېتىلغان ئوقيا ھاۋا بوشلۇقىدىكى ھەرقانداق ۋاقىتتا (بۇ ۋاقىتنىڭ قانچىلىك قىسقا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) چوقۇم بوشلۇقتىكى مەلۇم بىر نۇقتىدا تۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ جىمجىت ھالەتتە تۇرماي قالمايدۇ. سان-ساناقسىز جىمجىت ھالەتنىڭ يىغىندىسى يەنىلا ھەرىكەتلەنمىگەنگە باراۋەر بولىدۇ. زېنون سەزگۈ ئەزاسىنىڭ تەجرىبىسىدىكى ئوقيانىڭ ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەس. ئۇ ئاساسەن ئەقىل (لوگىكا) تەرىپىدىن ئىگىلەنمىگەن ھادىسىنىڭ ھەقىقىي ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەكچى بولغان. زېنون ھەرىكەتنىڭ ئەسلىدە بولغان ئۈزلۈكسىزلىكى بىلەن ئۈزۈلمىلىكىنىڭ بىرلىكىنى ئاجرىتىپ، ئۇلارنى يەككە-يېگانە قالدۇرۇش ھەمدە ئۈزۈلمىلىكنى مۇتلەقلەشتۈرۈش يولى بىلەن ھەرىكەتنى ئىنكار قىلغان. بۇ، ئەلۋەتتە مېتا-فىزىكىلىق ئۇسۇل بولىدۇ. ئەمما ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئۇ، ھەرىكەتتىكى زىددىيەتنىڭ خۇسۇسىيىتىنى يەنى ھەرىكەتلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئەمەلىي گەۋدىنىڭ (جۈملىدىن ئۇچۇۋاتقان ئوقيانىڭ) مەلۇم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھاۋا بوشلۇقىدىكى مەلۇم بىر بوشلۇق نۇقتىسىدا ھەم مەۋجۇت بولىدىغانلىقى، ھەم مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىنى؛ ھەرىكەتنىڭ ماھىيىتى ئۈزلۈكسىزلىك بىلەن ئۈزۈلمىلىكنىڭ دىئالېكتىك بىرلىكىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى؛ ئۈزۈلمىلىكنىڭ نىسپىي بولىدىغانلىقىنى، ئۈزلۈكسىزلىكنىڭ مۇتلەق بولىدىغانلىقىنى ئېچىپ بەرگەن.

ئۇر

  • ئۇر[يەشمىسى:]Ur) قەدىمكى زاماندىكى مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى سومېرلىقلارنىڭ شەھەر دۆلىتى. ئېفرات دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە جايلاشقان (ھازىرقى ئىراق چېگرىسى ئىچىدە). تەخمىنەن مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان. شىمالدىكى قوشنىلىرى ئۇرۇك، لاگاش قاتارلىقلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئۈستۈنلۈك تالاشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاققات پادىشاھلىقى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئۇرناممۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە قايتىدىن گۈللىنىپ، سومېردىكى شەھەر دۆلەتلىرىنى يېڭىپ، ئۇر Ⅲ خاندانلىقىنى قۇرغان ئوغلى شۇلگى تەختتىكى ۋاقتىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ قالغان. تەسىر دائىرىسى سۈرىيە ۋە كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقى قىسمىغىچە كېڭەيگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅪئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە شەھەر ئېلاملار ۋە ئامورىلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. كېيىن قايتا ياسىلىپ، پرۇسسىيە ئىمپېرىيىسىدىن كېيىن خارابلىشىشقا باشلىغان. 1922 — 1934-يىللىرى ئەنگلىيىلىك ئارخېئولوگ ۋوللې (Charles Leonard Woolley، 1880 — 1960) خارابىنى قېزىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان (بۇنىڭ ئىچىدە جەمئىي چوڭ-كىچىك قەبرىدىن 2500 بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا 16 سى خان جەمەتى قەبرىسى ئىكەن)، كۆپلىگەن مىخ يېزىق بىلەن خەت يېزىلغان سېغىز تاختايلار ۋە قىممەتلىك سايمانلارنى تېپىپ چىقىپ، ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ قەدىمكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن.

ئۇرارتۇ

  • ئۇرارتۇ[يەشمىسى:]Urartu) ۋان كۆلى پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى قەدىمىي دۆلەت. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پادىشاھ ساردۇرى ۋان كۆلى ئەتراپىدىكى يەرلەرنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ، ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاپ، دۆلەت قۇرغان. تۇشپانى ئۆزىگە پايتەخت قىلغان (بۈگۈنكى تۈركىيىنىڭ ۋان شەھىرى). ئارگىشتىش Ⅰ تەختتىكى مەزگىلدە (تەخمىنەن مىلادىدىن 781 — 760 يىل ئىلگىرىكى يىللار) كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىپ، ئاسۇرىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، كۆپلىگەن قورغان، ئىبادەتخانا ۋە سۇ ئىنشائاتلىرى قۇرۇلۇشلىرىنى ياساتقان ھەمدە ئۆز پائالىيىتىنى تۇشپانىڭ يېنىدىكى قىيا تاشقا ئويۇپ قالدۇرغان (خوخول يىلنامىسى). مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئاسۇرىيە پادىشاھى سارگون Ⅱ نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. پادىشاھ روسا Ⅰ مەغلۇپ بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. پادىشاھ ئوردىسى ۋە ئىلاھىي ئىبادەتخانىدىكى نۇرغۇنلىغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر بۇلاپ كېتىلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پادىشاھلىق قايتىدىن گۈللىنىپ ئاسۇرىيە بىلەن تىنچلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھېتىتلار ۋە مېدىيالىقلار تەرىپىدىن يوقىتىلغان. ئۇرارتۇنىڭ مەدەنىيىتى ئىككى دەريا ۋادىسى رايونىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، مىخ يېزىق ئىشلەتكەن. بىناكارلىق، ئويمىچىلىق ھەمدە مىس ھۈنەر سانائىتى جەھەتتە خېلى نامى چىققان.

ئۇربانۇسⅡ

  • ئۇربانۇسⅡ[يەشمىسى:]UrbanusⅡ، تەخمىنەن 1042 — 1099) رىم پاپاسى (1088 — 1099). فرانسىيىلىك. ئەسلى ئىسمى ئېئودېس لاگېرى (Eudesde Lagery). كىليونى موناستىرىنىڭ باشلىقى بولغان. 1084 — 1085-يىللىرى پاپانىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان. تەختتىكى مەزگىلىدە، ئۆزىدىن بۇرۇنقى گىرىگورى Ⅶ نىڭ سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، دىندىن سىرت ھۆكۈمرانلارنىڭ ئېپىسكوپلارنى بەلگىلەش ھوقۇقى بولۇشىغا قارشى تۇرغان. گېرمانىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقان. مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅳ نىڭ بالىسى ئاتىسىغا قارشى چىققاندا ئۇنى قوللىغان. 1095-يىلى 11-ئايدا كىلېرمو دىنىي يىغىنىدىن كېيىن نۇتۇق سۆزلەپ، «مۇقەددەس جاي» ئېروسالىمنى قۇتقۇزۇشنى باھانە قىلىپ ئەھلىسەلىپنىڭ تۇنجى قېتىملىق شەرققە يۈرۈش قىلىشىنى چاقىرغان. 

ئۇرىبې پېدراھىتا

  • ئۇرىبې پېدراھىتا[يەشمىسى:]Gesar Uribe Piedrahita، 1897 — 1951) كولومبىيىلىك يازغۇچى ۋە باكتېرىئولوگ. مېدېلىندا (Medellin) تۇغۇلغان. كاۋكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پارازىتلار ئىلمى پروفېسسورى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولغان. بوگوتا مەملىكەتلىك تىببىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان.ئۇنىڭ«تويا»،«ماي دېغى»، «سەيۋەسىدىدىلاس گىلاشياس»، كارايىبلار» قاتارلىق رومانلىرى ۋە خەلق سەنئىتى، ئاددىي ھايۋانلار ھەققىدە يازغان ئىلمىي ماقالىلىرى بار.

ئۇر ناممۇ

  • ئۇر ناممۇ[يەشمىسى:]Ur Nammu، مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 2096). ئۇر ئېنگۇر (Engur-Ur) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇمېرلارنىڭ شەھەر دۆلىتى ئۇرنىڭ پادىشاھى. ئۇرⅢ خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 2113 — 2096). سۇمېرلارنىڭ شەھەر دۆلىتى زەئىپلىشىشكە باشلىغان پەيتتىن پايدىلىنىپ، رەقىبى ئۇرۇكنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇرⅢ خاندانلىقىنى قۇرۇپ، ئۇرنى پايتەخت قىلغان. ئۇ داۋاملىق ئۇرۇش ئارقىلىق بويسۇندۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سومېرلارنىڭ «گۈللەندۈرگۈچىسى» دەپ تونۇلغان. ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھەربىي، سىياسىي ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىنى بىر ئۆزى تۇتقان. ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇر، ئېرىدۇ ۋە راگىش قاتارلىق جايلاردا سۇغىرىش ئۆستەڭلىرىنى ياساتقان. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە قۇلدارلار سىنىپىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن «ئۇرناممۇ قانۇنى» نى ئېلان قىلغان. قانۇن سۇمېر يېزىقىدا يېزىلغان بولۇپ (ھازىر كىرىش سۆزى ۋە بىر نەچچە ماددىسىنىڭ قالدۇقى ساقلىنىپ قالغان)، تاكى مۇشۇ كەمگىچە دۇنيا تارىخىدا ئىنسانلار بىلىدىغان تۇنجى يازما قانۇن بولۇپ، مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى كېيىنكى باشقا قانۇنلارغا (يەنى «خاممۇرابى قانۇنى» ھەمدە «ئىنجىل، تەۋرات» تىكى قانۇنلارغا) زور تەسىر كۆرسەتكەن. 

ئۇرۇش چېكى سىياسىتى

  • ئۇرۇش چېكى سىياسىتى[يەشمىسى:]ئامېرىكا يولغا قويغان بىر تۈرلۈك دىپلوماتىيە سىياسىتى. 1956-يىلى 1-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى داللېس ئامېرىكا «ئۇرۇشنىڭ چېكىگە بېرىپ قېلىشتىن قورقماسلىقى، لېكىن ئۇرۇشنىڭ چېكىگە بېرىپ قېلىپمۇ ئۇرۇشقا ئارىلىشىپ قالمايدىغان زۆرۈر ماھارەتنى ئۆگىنىۋېلىشى لازىم» دېگەنلەرنى تەشەببۇس قىلغانىدى. بۇ «ئۇرۇش چېكى» سىياسىتى دەپ ئاتالدى. 

ئۇرۇشماسلىق ئەھدىنامىسى

  • ئۇرۇشماسلىق ئەھدىنامىسى[يەشمىسى:]يەنى «برىئاند-كېللوگ ئەھدىنامىسى». 

ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كوممۇنىزم

  • ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كوممۇنىزم[يەشمىسى:] ھەربىي كوممۇنىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1918 — 1920-يىللىرى سوۋېت دۆلىتى چەتنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە يولغا قويغان ئىقتىسادىي سىياسىتى. ئىگىلىك قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ماددىي ئەشيالار ئىنتايىن كەمچىل بولغان شارائىتتا دۆلەتتىكى بارلىق تەبىئىي بايلىقلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، ئالدىنقى سەپنىڭ ئېھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قوللانغان سىياسەت. ئاساسىي تەدبىرلەر: ئېشىنچە ئاشلىقنى يىغىش (يەنى بەلگىلەنگەن باھا بويىچە دېھقانلارنىڭ قولىدىكى ئارتۇق ئاشلىقنى يىغىۋېلىش) تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ئاشلىق مونوپولىيىسىنى كۈچەيتىش، شەخسلەرنىڭ ئاشلىق سودىسىنى چەكلەش؛ پۈتكۈل سانائەت ۋە سودىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مەھسۇلاتلارنى تەقسىم قىلىشتا قاتتىق نازارەتنى يولغا قويۇش، شەخسلەرنىڭ كۈندىلىك لازىمەتلىكلەر بىلەن تىجارەت قىلىشىنى مەنئى قىلىش، ئاساسلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىدا نورمىلىق سېتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، «ئىشلىمىگەنلەر چىشلىمەسلىك» پرىنسىپى بويىچە پۈتكۈل سىنىپلارنىڭ خالىسانە ئەمگەك تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت. بۇ سىياسەت ئىچكى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم تارىخىي رول ئوينىغان. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن 1921-يىلى ئەتىيازدا يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەت يولغا قويۇلغان.

ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرى

  • ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرى[يەشمىسى:]قەدىمكى جەمئىيەتتىكى «ئاددىي پۇقرالار» غا قارىمۇ قارشى سىنىپ. ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەت بۆلۈنۈشكە باشلىغان مەزگىللەردە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، قۇللۇق جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرغان. جاھالەت دەۋرىنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدا، مېتال قوراللار (برونزا ۋە تۆمۈر قوراللار) ئىشلىتىلىپ، دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى ئىلگىرىلىگەنلىكتىن، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەت ئىچكى قىسمىدا ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئاددىي خەلق دېگەن ئىككى سىنىپقا ئايرىلغان. ئۇرۇق ئاقساقاللىرى ۋە بەزى ئاتىلىق ھوقۇقىدىكى ئۇرۇقلار يەر ۋە چارۋا-مال قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇرۇقنىڭ خىزمىتىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقتىن، مال-مۈلكى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ، ھوقۇق ۋە كۈچى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ، ئادەتتىكى ئۇرۇق ئەزالىرىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىل ئاقسۆڭەكلەر سىنىپىغا ئايلانغان. مەسىلەن: قەدىمكى رىم خاندانلىقى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن پاترىخ (Patricii، مەنىسى «ئاتا-بالىلىق») ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرى كۆپىنچە ئۆز ئىچىدە توي قىلىپ، ھوقۇقنى كونترول قىلىش، ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىمتىيازلىق ئورنىنى قوغدىغان. قۇللۇق تۈزۈمىدىكى دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئۇلار كۆپىنچە سىرت بىلەن ئالاقىلەشمەيدىغان، مۇتەئەسسىپ بېكىنىۋېلىش تۈزۈملىرىنى ۋە ئاقسۆڭەكلەر سىياسىي تۈزۈلمىسىنى پەيدا قىلىپ، ئەنئەنىۋى ئادەت كۈچلىرىنىڭ ۋەكىللىرىگە ئايلىنىپ قالغان. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئاددىي خەلقلەر بىلەن بولغان كۈرەشنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ بەلگىلەنگەن ياكى يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن قۇلدارلار سىنىپى ئۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن (مەسىلەن: ئافىنادىكىگە ئوخشاش) ياكى يۇقىرى قاتلامدىكى ئاددىي خەلقلەر بىلەن بىرلىشىپ يېڭى ئاقسۆڭەكلەردىن بولۇپ قالغان (مەسىلەن: رىمدىكىگە ئوخشاش).

ئۇرۇقداشلىق

  • ئۇرۇقداشلىق[يەشمىسى:]ئۇرۇقداشلىق جامائەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي بىرلىكى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلغان، قانداشلىق ۋاسىتىسى ۋە قانداشلىق شەجەرىسى بىرلەشتۈرۈلگەن ئىجتىمائىي تەشكىلات شەكلى. بۇ خىل شەكىل دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر بېسىپ ئۆتىدىغان باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. گرېتسىيىدىكى گېنوس (genos)، رىمدىكى گېنس (gens)، ئېرلاندىيىدىكى سېپت (sept)، شوتلاندىيىدىكى كلان (Clan)، قەدىمكى ھىندىستاندىكى گاناس (ganas) لار شۇلار جۈملىسىگە كىرىدۇ. بۇنىڭ ئاساسى قانداشلىق ئائىلە (يەنى قانداشلىق نىكاھ ئۇرۇقداشلىق) جامائەسى، يەنى بۇرۇنقى ئۇرۇقداشلىق جامائەسى تەخمىنەن نادانلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىنىڭ ئاخىرى (يېڭىلىنىش دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىنىڭ ئاخىرى، كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىنىڭ ئاخىرى، دەسلەپكى ئەقىللىق ئادەم دەۋرى) دىن باشلاپ ئۇرۇقداشلىققا ئۆتكەن. جاھالەت دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى باسقۇچلىرى ئالمىشىۋاتقان دەۋردە (يېڭىلىنىش دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، كېيىنكى ئەقىللىق ئادەم دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى) ئۇرۇقداشلىق شەكىللەنگەن. بۇنداق ئۆتۈشۈش مۇنداق ئىككى يولنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىشى ئارقىلىق بولغان. يەنى: بىرى، كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چوڭ ھايۋانلارنى ئوۋلاش ئۈچۈن، قانداشلىق ئائىلە جامائەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان (تۇرالغۇنى مۇقىملاشتۇرۇش مۇشۇنداق ئالاقە ئۈچۈن ئىمكانىيەت ياراتقان)؛ يەنە بىرى، قانداشلىق نىكاھ ئۇرۇقدىشىنىڭ ئورنىنى توپ نىكاھلىق ئۇرۇقداشلىقى ئېلىپ، نىكاھ مۇناسىۋىتى جامائەنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىلگەن. يەنى باشقا ئۇرۇقلار بىلەن نىكاھلىنىش يولغا قويۇلغان (جامائەلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئورنىتىلغان). باشقا ئۇرۇق بىلەن توپ نىكاھلىنىش يولغا قويۇلغان ھامان، قانداشلىق ئائىلە جامائەسى ئۆزگىرىپ مۇستەھكەم بولغان ماترىئارخال قانداشلىق گۇرۇھىغا، يەنى ماترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىق بولۇپ مۇقىملاشقان. ئۆزئارا نىكاھلانغان ئۇرۇقلار بىرلىشىپ، دەسلەپكى قەبىلىلەرنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇرۇقداشلىق ماترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىق ۋە پاترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىقتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەن. ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ يۇقىرى باسقۇچى (ئوتتۇرا تاش قوراللار دەۋرى) نى باشتىن كەچۈرۈپ، داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ تۆۋەن باسقۇچىغا (يېڭى تاش قوراللار دەۋرى) گە كەلگەندە ئومۇميۈزلۈك روناق تاپقان. ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى باسقۇچلىرىدا(برونزا دەۋرى ۋە تۆمۈر قوراللار دەۋرى) ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئەمگەك ئىش تەقسىماتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، پاترىئارخاللىق ئۇرۇق پەيدىنپەي ئانىلىق ئۇرۇقنىڭ ئورنىنى دەسسىگەن. ئۇرۇقداشلىق مۇنداق ئالاھىدىلىككە ۋە فۇنكسىيىگە ئىگە بولغان: ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇرۇقنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكىدە بولۇشى — ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى بولغان، ئۇرۇق ئەزالىرىنىڭ ئورنى باراۋەر بولغان، سىنىپمۇ، ئېكسپىلاتاتسىيىمۇ بولمىغان؛ ئۇرۇق ئاقساقىلى باشچىلىقىدىكى باشقۇرۇش ئورگىنى بولۇپ، ئۇرۇق ئاقساقىلى ئۇرۇق ئەزالىرى تەرىپىدىن سايلانغان ياكى ئالماشتۇرۇلغان؛ ئۇرۇقنىڭ ئىچكى قىسمىدا نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنغان، ئۆلگەندىن كېيىنكى مىراس ئۇرۇق ئىچىدە قالغان، ئۇنىڭغا شۇ ئۇرۇقنىڭ ئەزالىرى ۋارىسلىق قىلغان؛ ئوخشاش ئۇرۇقتىكىلەرنىڭ ئۆزئارا ياردەم قىلىش، قوغداش ۋە قان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش مەجبۇرىيىتى بولغان. ئۇرۇقنىڭ ئۆز نامى، ئورتاق دىنىي بايراملىرى ۋە قەبرىستانلىقى بولغان. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە سىنىپلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇرۇقداشلىق پارچىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. سىنىپىي جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۇرۇقداشلىقنىڭ بەزى قالدۇقلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلىنىپ قالغان. 

ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىن ئىلگىرىكى كوممۇنا

  • ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىن ئىلگىرىكى كوممۇنا[يەشمىسى:] «ئىپتىدائىي ئۇرۇقداشلىق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلات. ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمى ئادەتتە ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىن ئىلگىرىكى كوممۇنا ۋە ئۇرۇقداشلىق كوممۇنا (ماترىئارخاللىق ۋە پاترىئارخاللىق دەۋر) دەپ ئىككى چوڭ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. بەزى ئالىملار ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىن ئىلگىرىكى كوممۇنانى ئىپتىدائىي توپ بىلەن ئۇرۇقداشلىق كوممۇنا ئارىلىقىدا ئۆتكەن، نادانلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىگە، تەخمىنەن 3 مىليون يىلدىن 30 — 40 مىڭ يىل ئاۋۋالغىچە توغرا كېلىدۇ دەپ ھېسابلىغان. بۇ دەۋرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مايمۇنسىمان ئادەملىرى (ئىش قىلالايدىغان ئادەم)، كېيىنكى مەزگىلدىكى مايمۇنسىمان ئادەملىرى (ئۆرە ماڭالايدىغان ئادەم) ۋە دەسلەپكى ئەقىللىق ئادەم (نىئاندېرتال ئادىمى) لەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە شەكلى قانداشلىق ئائىلە، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ، دەپ قارىغان.

ئۇرۇقداشلىق جامائەسى

  • ئۇرۇقداشلىق جامائەسى[يەشمىسى:]يەنى «ئۇرۇقداشلىق».

ئۇرۇق ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى

  • ئۇرۇق ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى[يەشمىسى:] ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدىكى مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش پرىنسىپى ۋە ئۇسۇلى. مورگان شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلار، لاتىنلار، قەدىمكى گرېكلار ۋە ئىبراي قەبىلىلىرىنىڭ مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىشىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۈچ خىل ۋارىسلىق قىلىش قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويغان: 1. ئۇرۇق ۋارىسلىق قىلىش. يەنى ئۆلگۈچىنىڭ بارلىق مال-مۈلكىگە شۇ ئۇرۇقنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋارىسلىق قىلىپ بۆلۈشۈۋېلىش. بۇ نادانلىق دەۋرىدىكى ماترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى يىغىش، ئوۋچىلىق قاتارلىق ئىگىلىك شارائىتىغا ۋە توپ نىكاھلىنىشتەك ئائىلە شەكلىگە ماسلاشقان. ئەينى چاغدا مال-مۈلۈكلەرنىڭ سانى، خىللىرى چەكلىك بولغانلىقتىن، ئۆلگۈچىنىڭ مال-مۈلكىگە ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئانا تەرەپ يېقىن تۇغقانلىرى ۋارىسلىق قىلغان. ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا ۋە ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدا ئۇلار باشقا-باشقا ئۇرۇقلارغا مەنسۇپ بولغانلىقتىن، مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش مۇناسىۋىتى بولمىغان. 2. ئۇرۇقداشلار ۋارىسلىق قىلىش. يەنى، ئۆلگۈچىنىڭ مال-مۈلكىنى ئۇرۇقداشلار ئىچىدىكى تۇغقانلىرىغا بۆلۈپ بېرىش (ئاساسلىقى ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا-ئۇكا، ھەدە-سىڭىل قاتارلىق يېقىن تۇغقانلىرى)، ئۇرۇقنىڭ باشقا ئەزالىرى بولسا بۇنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان. بۇ ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدا مەيدانغا كېلىپ، ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىدا ئەۋج ئالغان. دەسلەپتە ئانىلىق ئۇرۇقداشلار ۋارىسلىق قىلغان بولسا، كېيىنچە ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەتكە ئۆتكەندىن كېيىن ئاتىلىق ئۇرۇقداشلار ۋارىسلىق قىلىدىغان بولغان. بۇ ئومۇمەن ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىقتىسادى شۇنداقلا جۈپ نىكاھلىق ئائىلە شەكلىگە ماس كەلگەن. مال-مۈلۈك دائىرىسى ئاددىي سايمانلار، تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن چارۋا پادىلىرى، ئۆي-جاي قاتارلىقلارغا كېڭەيگەن. 3. پەرزەنتلىرى ۋارىسلىق قىلىش. يەنى ئۆلگۈچىنىڭ مال-مۈلكىگە ئالدى بىلەن ۋە تامامەن ئاتا جەمەت پەرزەنتلىرى ۋارىسلىق قىلغان. ئۆلگۈچىنىڭ ئوغلى بولمىسا قىزى ۋارىسلىق قىلغان. ئەگەر پەرزەنتى بولمىسا، ئۇرۇقداشلىرى ۋارىسلىق قىلغان، ئۇرۇقداشلىرى بولمىسا ئۇرۇقتىكى باشقا ئەزالار ۋارىسلىق قىلغان. بۇ ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدىكى بىرقەدەر تەرەققىي تاپقان تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق ئىگىلىكى، شۇنداقلا بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمدىكى ئائىلە شەكلىگە ماسلاشقان. مال-مۈلۈك دائىرىسى: چارۋا پادىلىرىدىن يەرگىچە كېڭەيگەن. ئۇرۇق ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى يەنىلا قەدىمكى ئادەت قانۇنىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۈچ خىل ۋارىسلىق قىلىش، پەقەتلا ئۆز ئۇرۇقدىشى ئىچىدىكى ۋارىسلىق قىلىشنى پرىنسىپ قىلغان، ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ دائىرىسىمۇ بارغانچە كىچىكلەپ بارغان.

ئۇرۇك

  • ئۇرۇك[يەشمىسى:]Uruk، ئېرىك Erech) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مېسوپوتامىيىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى سومېرلارنىڭ قەدىمكى شەھىرى. ئېفرات دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ غەربىي قىرغىقى، بۈگۈنكى ئىراق تەۋەلىكىدە. تەخمىنەن مىلادىدىن 3400 — 3100 يىل ئىلگىرىكى يىللىرى، سۇمېرلار بۇ يەردە ئۇرۇك مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ، مىس قوراللار، رەڭلىك ساپال ئىشلەپ چىقارغان شۇنداقلا تەسۋىرى يېزىق مەيدانغا كەلگەن. سىنىپىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىخلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىغان. كېيىن دەسلەپكى ئۇرۇك دۆلىتىنىڭ ۋە دىننىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە گىلگامېش (Gilgamesh) ئەڭ ئاۋۋال بۇ يەردە شەھەر قۇرغانىكەن. مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅩⅣ ئەسىردە ئومما پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. كېيىن ئاققاد پادىشاھلىقىغا قوشۇلۇپ كەتكەن. مىلادىدىن 1000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا يەنىلا ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى مۇھىم شەھەر بولغان. مىلادى Ⅲ ئەسىردىكى ساسانىيلار خاندانلىقى دەۋرىدە خانىۋەيران قىلىۋېتىلگەن. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئۇرۇك قەدىمىي شەھىرىنى قېزىش ئىشى باشلىنىپ، بۇتخانا قاتارلىق ئىمارەتلەرنىڭ خارابىلىرى ۋە ھەرقايسى دەۋرلەرگە ئائىت كۆپ خىل سايمانلار قېزىۋېلىنغان.

ئۇرۇكاگىنا

  • ئۇرۇكاگىنا[يەشمىسى:]Urukagina) ئۇرۇئىنمگىنا (Uru,inmgina) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅩⅣ ئەسىردە مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى سومېرلارنىڭ شەھەر دۆلىتى راگاشنىڭ پادىشاھى. تەخمىنەن مىلادىدىن 2378 يىل ئىلگىرى خەلق ئاممىسى ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى كاھىنلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا لوگالاندانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. ئىككىنچى يىلى نامىنى «لوگار» غا ئۆزگەرتكەن. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 2378 — 2371) ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. «ئويما يېزىق» تا خاتىرىلىنىشىچە ئاساسلىقى: مەملىكەتنىڭ ھەممە جايىدىكى نازارەتچى ۋە باجگىرلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. باج-سېلىقنى يەڭگىللەتكەن. قەرزدارلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان. ئىبادەتخانا مال-مۈلكىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەرگەن. كاھىنلارنىڭ باج مەجبۇرىيىتىنى كەچۈرۈم قىلغان. ھوقۇقسىزلار قاتلىمى سۇبلۇگاللارنىڭ (Sublugal) شارائىتىنى ياخشىلىغان؛ قانۇن ئېلان قىلىپ، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق ۋە يىتىم-يېسىرلارنى بوزەك قىلىش قاتارلىقلارنى مەنئى قىلغان. قەدىمىي «ئادالەت» نى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. يەنە ئىككى سۇغىرىش قانىلى ياساتقان. ئۇنىڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچىگە زەربە بېرىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا پايدىلىق بولغانلىقتىن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا پۈتۈن مەملىكەت پۇقرالىرىنىڭ سانى تېزدىن كۆپەيگەن. لېكىن ئۆز دۆلىتى ۋە قوشنا شەھەر دۆلەتلىرىدىكى قۇلدار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نارازىلىقى ۋە ئۆچمەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مىلادىدىن 2371 يىل ئىلگىرى ئومما ۋە ئۇرۇك بىرلەشمە ئارمىيىسى راگاشنى بېسىۋالغان. نەتىجىدە ئىسلاھاتمۇ توختاپ قالغان.

ئۇرۇك مەدەنىيىتى

  • ئۇرۇك مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]يەنى ئېرىك مەدەنىيىتى. بۇ مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى برونزا قورال ۋە تاش قوراللار بىرلىكتە ئىشلىتىلىۋاتقان دەۋردىكى مەدەنىيەت. ئېفرات دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى (بۈگۈنكى ئىراقتا) قەدىمىي شەھەر ئۇرۇكتىن تېپىلغان. خارابىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 8000 مو كېلىدۇ. ئېرىدۇ-ئوبېئىد مەدەنىيىتىنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ. مىلادىدىن تەخمىنەن 3400 — 3100 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئارىلىقىدا مەۋجۇت بولغان. بۇ مەدەنىيەتنى ياراتقۇچى سۇمېرلار ئاساسلىقى دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئارپا ۋە ئىككى دانلىق بۇغداي تېرىغان، كالا، ئېشەك قاتارلىقلارنى كۆندۈرگەن. ئۇ ۋاقىتتا تاش قوراللار ئومۇملىشىپ، برونزا قوراللار بارغانسېرى كۆپەيگەن، ساپال چاقلار ئارقىلىق ساپال قاچىلار ياسالغان، غايەت زور مۇنار-ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشلىرى مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان. كېيىنكى دەۋرلەردە ناھايىتى قەدىمىي بولغان تەسۋىرىي يېزىقلار مەيدانغا كەلگەن. قېزىۋېلىنغان ئۇرۇكنىڭ گەج كۇپلىرىدىن ۋە قاپارتما نەقىشلىرىدىن توققۇز نەپەر يالىڭاچ ئادەمنىڭ ئۆزىنى قۇربانلىققا ئاتىغانلىقىدىن ئىبارەت تەسىرلىك مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇرۇك مەدەنىيىتى مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبى تەرىپى پاترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەتكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئۇر ئۈچىنچى خاندانلىقى

  • ئۇر ئۈچىنچى خاندانلىقى[يەشمىسى:] مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى سومېرلارنىڭ ئۇرنى مەركەز قىلغان خاندانلىقى (تەخمىنەن مىلادىدىن 2113 — 2006 يىل ئىلگىرىكى يىللار). ئۇرناممۇ قۇرغان. ئوغلى شۇلگى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە دۆلىتى كۈچىيىپ، زوراۋانلىق كۈچى غەربتە سۈرىيىگىچە، شىمالى ۋە غەربىي شىمالى ئاسسۇرىيە ۋە كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقىغىچە، شەرقىي جەنۇبى ئېلامغىچە يېتىپ بارغان. خاندانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە، مېسوپوتامىيە ۋادىسىدا برونزا قوراللارنى ئىشلىتىش ئومۇملاشقان بولۇپ، خۇسۇسىي ئىگىلىكمۇ خېلى تەرەققىي قىلىپ، يۈزلىگەن قۇلغا ئىگە ئۇستىخانىلار بارلىققا كەلگەن. پادىشاھ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە، ھۆكۈمەت ۋە قانۇنىي ھوقۇقلارنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى جاھان پادىشاھى دەۋالغان شۇنداقلا «ئىلاھ» دەپ قارالغان. ئاخىرقى پادىشاھ ئىبسىن دەۋرىگە كەلگەندە ئىچكى-تاشقى جەھەتلەردىن قىيىنچىلىققا يولۇققان. غەربىي شىمالدىكى ئامورىلار تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، ئېلاملارمۇ ھۇجۇم قىلغان، ئىبسىن ئەسىر چۈشۈپ، ئۇر شەھىرىمۇ خارابىيلىققا ئايلانغان. ئۇر ئۈچىنچى خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر سۇمېرلارنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن (مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلگە قەدەم قويغاندا) سۇمېرلار ئاستا-ئاستا مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى سىياسىي سەھنىدىن چېكىنىپ چىققان. 

ئۇزۇن مۇددەتلىك پارلامېنت

  • ئۇزۇن مۇددەتلىك پارلامېنت[يەشمىسى:]1) ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت. 1640-يىلى 11-ئايدىن 1653-يىلى 4-ئايغىچە 13 يىلدىن كۆپرەك دەۋر سۈرگەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1640-يىل 5-ئاينىڭ 5-كۈنى قىسقا مۇددەتلىك پارلامېنت تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، چارلېس Ⅰ قوزغىغان ئىككىنچى قېتىملىق شوتلاندىيە ئۇرۇشى مەغلۇپ بولۇپ، ھۆكۈمەتكە خىراجەت توپلاش ئۈچۈن پارلامېنت چاقىرغان. پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئەسلىدىكى قىسقا مۇددەت پارلامېنت ئەزالىرى بولۇپ، ئاقسۆڭەكلەر كۆپ ساننى ئىگىلىگەن. پارلامېنت چاقىرىلغاندىن كېيىن كورۇلنىڭ ھوقۇقلىرىنى چەكلەيدىغان بىر مۇنچە قانۇن لايىھىلىرىنى ماقۇللىغان. 1641-يىلى 5-ئايدا گراف سىتراففوردنى ئۆلتۈرگەن.12-ئايدا «نارازىلىق خېتى» ئېلان قىلغان. 1642-يىلى 1-ئايدا چارلېسⅠ ئەسكەر باشلاپ جون پىم (John Pym، 1584 — 1643) قاتارلىق بەش نەپەر ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسىنى قولغا ئالماقچى بولغاندا كورۇل بىلەن مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ، ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى قانۇن تۈزگۈچى ۋە رەھبىرىي ئورگان بولۇپ قالغان. لېكىن پارلامېنتتا مۆتىۋەرلەر كۆپ ساننى ئىگىلىگەنلىكتىن، يەنىلا باشتىن-ئاخىر كورۇل بىلەن مۇرەسسەلىشىش پوزىتسىيىسىدە بولغان. 1648-يىل 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، مۇستەقىلچىلەر ئارمىيىسى تەرىپىدىن تازىلانغان. قېپقالغان 100 دەك پارلامېنت ئەزاسىنىڭ كۆپچىلىكى مۇستەقىلچىلەر بولغاچقا، شۇنىڭدىن كېيىنكى پارلامېنت پۈچەك پارلامېنت دەپ ئاتالغان. 1649-يىلى 1-ئايدا چارلېسⅠ باستۇرۇلۇپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. 1653-يىلى 4-ئايدا، ئولىۋېر كرومۋېل ھەربىي ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كېيىن تارقىلىپ كەتكەن. (2) غەرب تارىخشۇناسلىرى يەنە ئەنگلىيىدىكى چارلېس Ⅱ نىڭ قايتا تىرىلگەن دەۋرىدىكى، يەنى 1661 — 1679-يىللىرىدىكى بىر قېتىملىق پارلامېنتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قېتىملىق پارلامېنتقا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى پادىشاھپەرەسلەر پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى بولغانلىقتىن، «رىتسارلار پارلامېنتى» دەپمۇ ئاتالغان.

ئۇزۇن مىلتىقلىقلار پارتىيىسى

  • ئۇزۇن مىلتىقلىقلار پارتىيىسى[يەشمىسى:] ئىسپانىيىدىكى فاشىستىك پارتىيە. 1933-يىلى 10-ئايدا ئىلگىرىكى مۇستەبىت رىۋېرانىڭ ئوغلى جوس ئاندونيو (José Andonio Primo de Rivera، 1903 — 1936) قۇرغان. 1934-يىلى 2-ئايدا يەنە بىر فاشىستىك تەشكىلات جونس (JONS. Juntas de Ofensira Nacional Sindicalista، مەملىكەتلىك سىندىكالىستلارنىڭ جونتاسقا يۈرۈش قىلىشىنىڭ قىسقارتىلمىسى) بىلەن بىرلىشىپ، 11-ئايدا پروگراممىسىنى («26 ماددا») ئوتتۇرىغا قويغان. 1936-يىلى 7-ئايدا جۇمھۇرىيەتچىلەر ھۆكۈمىتىگە قارشى توپىلاڭغا قاتناشقان. 1937-يىلى 4-ئايدا يەنە ئۆزلىرىنى ئەنئەنىچىلەردىن كارلوسچىلار ۋە پادىشاھپەرەسلەر دەپ ئاتىۋالغانلار بىلەن بىرلىشىپ، نامىنى «ئىسپانىيە ئەنئەنىزمچى جونس ئۇزۇن مىلتىقلىقلار پارتىيىسى» گە ئۆزگەرتكەن. فرانكو كاتتىباش بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىسپانىيىدىكى بىردىنبىر «قانۇنلۇق» پارتىيە بولۇپ قالغان. ئۇلار ماركسىزمغا قارشى تۇرۇپ، ئىسپانىيىدە ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالىدىغان بىرلەشكەن بۈيۈك ئىمپېرىيە قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. كاتولىك دىنىي كۈچلىرىنى قايتا رەتكە سېلىپ، چوڭ پومېشچىك، بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىنى ھىمايە قىلغان. خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى تەسىس قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، كۈندىن-كۈنگە زەئىپلەشكەن.

ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك پادىشاھ

  • ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك پادىشاھ[يەشمىسى:]چاۋشيەندىكى كورىيە دۆلىتىنىڭ پادىشاھى(413 — 491). ئىسمى جۈليەن. پادىشاھ گۇاڭ كەيتۇنىڭ ئوغلى. تەختتىكى مەزگىلدە كۈچىنىڭ بارىچە كېڭەيمىچىلىك قىلغان. مىلادى 427-يىلى پايتەختنى گونيى شەھىرىدىن (بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ جىئەن ناھىيىسىدە) پىخىنيانغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، شىمالىي يەن سۇلالىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن (436-يىلى)، لياۋدۇڭنى ئاسانلا ئىگىلىۋالغان. كېيىن داۋاملىق جەنۇبقا كېڭىيىپ، پېكچى، سىللا قاتارلىقلار بىلەن قارشىلىشىشقا باشلىغان. 475-يىلى ئەسكەر باشلاپ پېكچىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ پايتەختى سىئولنى (بۈگۈنكى چاۋشيەننىڭ پايتەخت ئەتراپىدىكى ياڭجۇدا) بېسىۋېلىپ، پادىشاھ فۇيۇچىڭنى (پادىشاھ گەي لو) ئۆلتۈرۈپ، خەنجياڭ دەرياسى ۋادىسىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ، پېكچىنىڭ يېڭى پادىشاھى ۋېن جۇۋاڭنى پايتەختىنى شيۇجىڭغا (بۈگۈنكى چاۋشيەننىڭ جۇڭچىڭ دېگەن جايىنىڭ جەنۇبىدىكى گۇڭجۇدا) كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ شىمالىي ۋېي ۋە جەنۇبىي سۇڭ، چى قاتارلىق سۇلالىلىرى بىلەن ئىناق ئۆتكەن. بۇ چاغدا كورىيە پادىشاھلىقى تازا روناق تاپقان.

ئۇزۇن ئىشتانلىقلار

  • ئۇزۇن ئىشتانلىقلار[يەشمىسى:] يەنى «يالاڭتۆشلەر».

ئۇسپېنىسكى

  • ئۇسپېنىسكى[يەشمىسى:]Глеь Иванович Успенский، 1843 — 1902) روسىيىلىك يازغۇچى. كىچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پېتربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇتقۇچى بولغان. 1862-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرى «ئۇنتۇلغان كوچا قائىدىلىرى»، «بەربات بولۇش» قاتارلىقلاردا يانچىلىق تۈزۈمى بىكار قىلىنغاندىن كېيىنكى روسىيە ئىشچىلىرى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ چار پادىشاھنىڭ تۈزۈمىگە قارىتا نارازىلىقى تەسۋىرلەنگەن. ئالاھىدە يېزىلغان «يېزا خاتىرىلىرىدىن پارچىلار»، «دېھقان ۋە دېھقان ئەمگىكى»، «يەر ھوقۇقى» قاتارلىق توپلاملىرىدا، يېزىلاردىكى كاپىتالىستىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە يېزا كوممۇنىسىنىڭ يىمىرىلگەنلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى نارودنىكلىق كۆز قارىشىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ئىپادىلەنگەن. كېيىن ئۇ نېرۋا كېسىلى بولۇپ، يېزىشتىن توختاپ قالغان. ئۇنىڭ «قەد كۆتۈرۈش»، «كېسەللىك» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ئۇستاشا

  • ئۇستاشا[يەشمىسى:]كرودىيىدىكى بىر فاشىستىك تەشكىلات. 1929-يىلى ئىتالىيىدە قۇرۇلغان. كاتتىبېشى ئانتى پاۋېلىچ (Ante Pavelic، 1889 — 1959)، تەشكىلات ئىسمى (Ustase). رىۋايەتلەردىكى كرودىيىلىك ئىسيانكارنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ قائىدە-يۇسۇنلىرى ۋە كىيىم-كېچەكلىرى تامامەن ئىتالىيە فاشىستىك پارتىيىسىنىڭكىگە ئوخشاش. ئۇلار كرودىيىنىڭ يۇگوسلاۋىيىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇشىنى تەلەپ قىلاتتى. 1941-يىلى 4-ئايدا يۇگوسلاۋىيە ئوق مەركىزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئاساسەن ئىتالىيىگە بېقىنغان. ئۇلار «كرودىيە مۇستەقىل دۆلىتى» نىڭ ھوقۇقىنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، كرودىيە چېگرىسى ئىچىدە كەڭ-كۆلەملىك تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، سېربلار ۋە يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلغان ھەمدە گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە ئارمىيىسىگە ماسلىشىپ، يۇگوسلاۋىيە خەلق ئازادلىق پارتىزان ئەترىتى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ئىتالىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، گېرمانىيىگە بېقىنغان. 1944-يىلى 5-ئايدا، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ يەتتىنچى قېتىملىق ھۇجۇمى بىتچىت قىلىنغاندىن كېيىن پارچىلىنىپ كەتكەن.

ئۇشاكوۋ

  • ئۇشاكوۋ[يەشمىسى:]Фёдор Фёдорович Ущаков ، 1744 — 1817) روسىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمېرالى. كىچىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دېڭىز ئارمىيە ھەربىي تەييارلىق مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇزۇن مۇددەت بالتىق دېڭىز فلوتىدا ۋە ئازوۋ دېڭىز رايونى فلوتىدا خىزمەت قىلغان. 1768 — 1774-يىللاردىكى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1787 — 1791-يىللاردىكى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى جەريانىدا قارا دېڭىز فلوتىدا قوماندان بولغان (1790). كۆپ قېتىم تۈركىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىشقا قوماندانلىق قىلغان. 1798 — 1800-يىللىرى فلوتنى باشلاپ جەنۇبقا بېرىپ، ئوتتۇرا دېڭىزدا فرانسىيە ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ناپولېئون بېسىۋالغان ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، بىر مەزگىل نېئاپول ۋە رىمنى بېسىۋالغان. 1807-يىلى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

ئۇششاق بۇرژۇئا سوتسىيالىزمى ⅩⅨ

  • ئۇششاق بۇرژۇئا سوتسىيالىزمى ⅩⅨ[يەشمىسى:] ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەيدانغا كەلگەن بىر خىل ئۇششاق بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىق پىكىر ئېقىمى. شۋېتسارىيىدىكى شىموندى، فرانسىيىدىكى پرۇدون ۋە لۇئى بىلان قاتارلىق كىشىلەر ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى. شۇ چاغدا، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە تەركىبىدىكى كىشىلەر ھەمىشە رىقابەت تۈپەيلىدىن پرولېتارىيات قوشۇنىغا قوشۇلۇپ تۇراتتى ھەمدە يىرىك سانائەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتنىڭ مۇستەقىل قىسمى بولغانلىق ئورنىدىن مەھرۇم بولىدىغانلىقىنى سەزگەنىدى. ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى كاپىتالىستىك تۈزۈمنى ئۇششاق بۇرژۇئازىيىگە خاس ئۆلچەم بىلەن تەنقىد قىلىپ، كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىدىكى زىددىيەتلەرنى تولۇق تەھلىل قىلغان ۋە كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ مۇقەررەرلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدى. لېكىن ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنىڭ مەيدانىنى ئاساس قىلىپ پرولېتارىيات بىلەن بۇرژۇئازىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى بۇرژۇئازىيە ھۆكۈمىتى ئارقىلىق «تەڭشەش» نى مۇراجىئەت قىلغان، كاپىتالىستىك يىرىك ئىشلەپچىقىرىشقا قارشى تۇرغانىدى. ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكىنى ۋە قول سانائەت ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇششاق خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغان، كاپىتالىستىك يىرىك سانائەتنىڭ ئورنىغا ئۇششاق ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكىنى دەسسىتىپ، ئەمگەكچىلەرنى ئۇششاق خۇسۇسىي مۈلۈكدارلارغا ئايلاندۇرغاندىلا، كاپىتالىزمنى تىنچ يول بىلەن ئۆزگەرتىپ، «سوتسىيالىزم» نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ دەپ ھېسابلىغان. بۇ خىل پىكىر ئېقىمى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، خام خىيال ئىدى.

ئۇلبرىخىت

  • ئۇلبرىخىت[يەشمىسى:]Walter Ulbricht، 1893 — 1973). گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى (1960 — 1973). گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى (1971 — 1973). لېيپسېگدىكى بىر ماشىنىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياغاچچىلىق قىلغان. 1908-يىلى سوتسىيالىستىك ئىشچى ياشلار بىرلەشمىسىگە قاتناشقان. 1912-يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1915 — 1918-يىللىرى ھەربىي خىزمەت ئۆتەش جەريانىدا ئۇرۇشقا قارشى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. 1918-يىلى ئۆكتەبر ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، بېلگىيىدىكى بىر ھەربىي تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئاكتىپلىق بىلەن كۈرەشكە قاتناشقان. لېيپسېگدىكى پارتىيە تەشكىلاتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. 1922-يىلى گېرمانىيە كومپارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1923-يىلى گېرمانىيە كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا ۋە سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. 1926 — 1928-يىللىرى ساكسونىيە شتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1928 — 1933-يىللىرى گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، گېرمانىيىدىن ئايرىلىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ پارىژ، پراگا ۋە موسكۋاغا بارغان. 1938-يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ گېرمانىيە ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان. 1943-يىلى ئەركىن گېرمانىيە مەملىكەتلىك كومىتېتى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1945-يىلى 4-ئايدا دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ پېك، گوتۋالد قاتارلىقلار بىلەن بىللە گېرمانىيە كومپارتىيىسى بىلەن سوتسىئال دېموكراتلار پارتىيىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ چىققان. 1946-يىلىدىن باشلاپ بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1950 — 1953-يىللىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1953 — 1971-يىللىرى مەركىزىي كومىتېتنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى بولغان. 1971-يىلىدىن باشلاپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1949 — 1960-يىللىرى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1960-يىلدىن باشلاپ دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 

ئۇلپىيانۇس

  • ئۇلپىيانۇس[يەشمىسى:]Domitius Ulpianus، تەخمىنەن 170 — 228-يىللار) قەدىمكى رىم قانۇنشۇناسى. ئەسلى يۇرتى فىنىكىيىنىڭ تېرى دېگەن جايىدا. رىم پادىشاھى سېپتىمىيۇس سېۋېرۇس تەختتە تۇرغان چاغدا زوراغاللىق مەھكىمىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. كاراكاللا (Caracalla، 211 — 217-يىللىرى تەختتە تۇرغان) مەزگىلىدە مۇھىم ئەمەل تۇتقان. بىر مەزگىل سۈرگۈن قىلىنغان. ئالېكساندر سېۋېرۇس تەختكە چىققاندىن كېيىن چاقىرتىپ كېلىنىپ (222-يىلى)، مۇھىم مەسلىھەتچى ۋە گۋاردىيە ئوفىتسېرى بولغان. شۇڭا ئۇنىڭ ھوقۇقى ۋە كۈچى بىردىنلا ئاشقان. كېيىن گۋاردىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن پادىشاھ (ئالېكساندر) ئالدىدا ئۆلتۈرۈپ تاشلانغان. ئىمپېرىيە زامانىسىدا ئەڭ كۆپ ئەسەر يازغان قانۇنشۇناس بولۇپ، مول بىلىمگە ئىگە، قانۇن-ھۈججەتلەرنى پىششىق ئىگىلىگەن. ئۇنىڭ قول يازمىلىرى مەنە جەھەتتىن ئېنىق بولغاچقا كەڭ تارقىلىپ، ياۋروپانىڭ كېيىنكى زامان قانۇنچىلىقىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. يۇستىنيانۇس (مىلادى Ⅵ ئەسىر) «دۆلەت قانۇن قامۇسى» دېگەن كىتابنى يازغاندا، ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن «تەلىماتلار توپلىمى» قىسمى ئولپىيانۇسنىكىدىن ئېلىنغان بولۇپ، باشقا ھەر قانداق بىر قانۇنشۇناسنىڭكىدىن كۆپ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئولپىيانۇس بىلەن پائۇلۇس (زامانداش قانۇنشۇناسلار) ئىككىسىنىڭ يازغانلىرى «تەلىماتلار توپلىمى» نىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. كېيىن باشقىلار توپلىغان «دومىتىيوس ئۇلپىيانۇس ماقالىلىرىدىن پارچىلار» قاتارلىقلار بار.

ئۇلۇس

  • ئۇلۇس[يەشمىسى:] رۇسچە Нароность دېگەن سۆزنىڭ تەرجىمىسى. سىنىپىي جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى مىللەت شەكلى. ئۇلۇستىن تەرەققىي قىلىپ چىققان مىللەتنى، يەنى قۇللۇق جەمئىيەتتىكى مىللەت ۋە فېئوداللىق جەمئىيەتتىكى مىللەتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلۇس ئاساسەن سىنىپىي جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ پەيدا بولغان. بۇ — بىرنەچچە ئۇلۇسنىڭ مەلۇم شارائىتتا بىرلىشىپ دۆلەتنى تەشكىل قىلىش جەريانى، شۇنداقلا ئۇلۇسنىڭ شەكىللىنىش جەريانى. ئومۇمەن ئالغاندا، بۇ قەدىمكى دۇنيادا بىرقەدەر روشەن ئىپادىلەنگەن، مەسىلەن: قەدىمكى يۇناندىكى ئاتتىكادا ئافىنالىقلار تۆت قەبىلىسىنىڭ بىرلىشىشى، سپارتا-دورىئانلار ئۈچ قەبىلىسىنىڭ بىرلىشىشى، قەدىمكى رىمدىكى لاتىنلار ۋە سابىنلار ئۈچ قەبىلىسىنىڭ بىرلىشىشى ۋە باشقىلار. ئۇلۇس ئىپتىدائىي قەبىلىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ زېمىنى قانداشلىق مۇناسىۋىتى بويىچە بىر-بىرىگە باغلانغان ئەمەس. تارىخىي تەرەققىياتتىن قارىغاندا، دۆلەت بىرلا ئۇلۇستىن ھاسىل بولغان ئەمەس، ئوخشاش بىر ئۇلۇستىكىلەرمۇ بىر نەچچە دۆلەتنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن، ئۇلۇس ئاساسەن قۇللۇق جەمئىيەت، فېئوداللىق جەمئىيەتنى باشتىن كەچۈرگەن، ياۋروپادا، كاپىتالىزمنىڭ مەيدانغا كېلىشى، فېئوداللىق تەپرىقىچىلىكنىڭ يوقىلىشى ۋە مىللىي بازارلارنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، پەيدىنپەي تەرەققىي قىلىپ كاپىتالىزم دەۋرىدىكى مىللەت (nation، Нацня) كە ئايلانغان.

ئۇلۇغبەگ

  • ئۇلۇغبەگ[يەشمىسى:]Ulugh Beg، 1394 — 1449) ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سەمەرقەندنىڭ ھۆكۈمرانى. شاھرۇھنىڭ (Shahrukh) چوڭ ئوغلى. 1409-يىلى دادىسى ئۇنىڭغا سەمەرقەندنى بەخشەندە قىلىپ بەرگەن. ئۇ ناھايىتى بىلىملىك، بولۇپمۇ ئاسترونومىيىگە پىششىق ئىدى.تەخمىنەن 1428-يىلى سەمەرقەندتە چوڭ رەسەتخانىدىن بىرنى سېلىپ، نۇرغۇن ئالىملار بىلەن بىللە ئۇزاق مۇددەت كۆزىتىش ئارقىلىق «ئۇلۇغبەگنىڭ يېڭى ئاسترونومىيە جەدۋىلى» نى تۈزۈپ چىققان، ئۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇھىم ئاسترونومىيە ھۈججىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مەدەنىي-مائارىپنى تەشەببۇس قىلاتتى، بىر-نەچچە ئىسلام مەدرىسىسىنى (Madrasa) قۇرغان، شۇنىڭ بىلەن سەمەرقەند شۇ چاغدىكى داڭلىق ئىلىم-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 1447-يىلى دادىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ تېمۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى بولغان. تەختتە ئاران ئىككى يىل ئولتۇرۇپلا، ئوغلى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

ئۇكاما شىگېنوبۇ

  • ئۇكاما شىگېنوبۇ[يەشمىسى:]1838— 1922). ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1898-، 1914 — 1916-يىللار). ساگا ۋاسساللىقىدىكى ۋاسسال بېگى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا پادىشاھنى ھۈرمەتلەپ چەت ئەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. مېيجى ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، خارجى ئىشلار جۇجۇقىنىڭ دادخاھى، پۇقرالار پىرقىسىنىڭ باش ياردەمچىسى، يانداش خەزىنە ۋەزىرى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان، 1873-يىلى خەزىنە ۋەزىرى بولغان، كورىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغان. 1874-يىلى جۇڭگونىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىگە تاجاۋۇز قىلغاندا، «بەدۋىلەر ئىشلىرى جۇجۇقى» نىڭ باشلىقى بولغان؛ 1877-يىلى غەربىي جەنۇب ئۇرۇشىدا، جازا يۈرۈشى قىلىشنى ئومۇمىي باشقۇرۇش جۇجۇقىنىڭ باشلىقى بولغان، شۇ مەزگىلدە، ئىۋاگاساكى ياتارو بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلىغان. 1878-يىلى قوشۇمچە يەر بېجىنى ئىسلاھ قىلىش ئىشلىرى جۇجۇقىنىڭ لېدىرلىقىنى ئۆتىگەن. 1881-يىلى ئاساسىي قانۇننى بالدۇر تۈزۈش ۋە پارلامېنت تەسىس قىلىش دېگەن تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن، ئىتو خىروبۇمى قاتارلىقلار بىلەن چىقىشالماي، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئىككىنچى يىلى ئاساسىي قانۇن تۈزۈشنى ياخشىلاش پارتىيىسى قۇرۇپ، لېدىر بولغان ھەم توكيو مەخسۇس مەكتىپىنى قۇرغان (ۋاسېدا داشۆسىنىڭ ئاساسى). 1883-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پارتىيىدىن چىقىپ كەتكەن. 1888-يىلى 2-ئايدا ئىتو خىروبۇمى باشچىلىقىدىكى 1-نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېتنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. كورودا كىيوتاكا ۋاقتىدا ئىچكى كابىنېتتا ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئىككىنچى يىلى شەرتنامىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئوڭ قانات ئۇنسۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى ئۈچۈن، پارتلاشتا بىر پۇتىدىن ئايرىلغان.1896-يىلى 3-ئايدا تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى قۇرغان. 9-ئايدا ماتسۇكاتا ماسايوشى باشچىلىقىدىكى 2-نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېتنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، 1898-يىلى ئىتاگاكى تاسۇكې بىلەن بىرلىشىپ ئىچكى كابىنېتنى تەشكىللەپ، باش ۋەزىر، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. ئاساسىي قانۇنچىلار پارتىيىسىنىڭ ئىچكى ماجىراسى تۈپەيلىدىن ئاران تۆت ئاي ۋەزىپە ئۆتەپلا ئىستېپا بەرگەن. 1900-يىلى ئاساسىي قانۇنچىلار پارتىيىسىنىڭ لېدىرى بولغان. 1910-يىلى خىزمەتتىن چېكىنىپ ۋاسېدا داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1914-يىلى 4-ئايدا ئىككىنچى قېتىم ئىچكى كابىنېتنى تەشكىللىگەن، ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغان ھەمدە گېرمانىيە قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىشنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئەسكەر ئەۋەتكەن.1915-يىلى 1-ئايدا يەنە جۇڭگونىڭ يۈەن شىكەي ھۆكۈمىتىگە جۇڭگونى يۇتۇۋېلىشنى مەقسەت قىلغان «21 ماددا» نى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇكۇ شېگېمتېسۇ

  • ئۇكۇ شېگېمتېسۇ[يەشمىسى:]1844— 1897) ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى(1892— 1896). ۋاكاياما ۋاسساللىقىدىكى تۆرە ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. شوگناتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە دېڭىز ئارمىيە ياردەمچى قىسمىغا كىرىپ، پادىشاھنى ھىمايە قىلىپ شوگناتنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. مېيجى يىللىرىنىڭ باشلىرىدا يەر بېجىنى تۈزىتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغاندا يەر بېجى ئىسلاھاتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن. غەرب-جەنۇب ئۇرۇشىدا قوشۇن تارتىپ ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقتىن، قولغا ئېلىنىپ بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. 1883 — 1886-يىللىرى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئەللىرىنى زىيارەت قىلغان.1888-يىلى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان.1890 — 1891-يىللىرى ياماگاتا ئىچكى كابىنېتنىڭ يېزا ئىگىلىك-سودا ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. 1892 — 1896-يىللىرى ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئىتو ئىچكى كابىنېتنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدە باش ۋەزىر ئىتوخىروبۇمىغا ياردەملىشىپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش سىياسىتىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى سىمونوسېكى شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ۋىكونت (1894)، گراف (1895) ئۇنۋانلىرىغا ئىگە بولغان. «جيەن جيەنلۇ» دېگەن ئەسىرى بار. كېيىن «گراف ئوكۇشېگېمتېسۇ ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

ئۇكسمال

  • ئۇكسمال[يەشمىسى:]Uxmal) مايادىكى قەدىمىي شەھەر. مېكسىكىنىڭ يۇكاتان يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى مېرىدا شەھىرىنىڭ تەخمىنەن 80 كىلومېتر جەنۇبىدا. مىلادى Ⅹ ئەسىردە قۇرۇلغان بولۇپ، چىچېن ئىتزا ۋە ماياپان بىلەن بىرلىكتە مايانىڭ سىياسىي، دىنىي مەركىزىنىڭ بىرى بولغان. تەخمىنەن 1441-يىلى تاشلىنىپ قالغان. ھازىر ساقلىنىپ قالغان ئاساسىي قۇرۇلۇشلىرى قەدىمىي دەۋرنىڭ كېيىنكى دەۋرىگە مەنسۇپ بولۇپ، يەر تۈزۈلۈشىگە قاراپ، بىر نەچچە بۆلەك قۇرۇلۇشلارغا ئايرىلغان. ئېگىزلىكى 31 مېتر كېلىدىغان بىر ئىلاھىي ئىبادەتخانا بولۇپ، ئۇ ئاز دېگەندىمۇ ئوخشاش بولمىغان بەش دەۋرنىڭ ئىلاھىي ئىبادەتخانا قاتلىمىغا ئىگە. ئوردا قۇرۇلۇشى ئاجايىپ نەپىس. مەشھۇر «ئەمەلدارلار تۇرالغۇسى»،«راھىبە موناستىرى» نىڭ ھەر بىرىدە 24 ئېغىز ۋە 90 ئېغىزدىن ئۆي بولۇپ، ئىنتايىن نەپىس بېزەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى «ئەمەلدارلار تۇرالغۇسى» لاتىن ئامېرىكىسىدىكى قەدىمىي قۇرۇلۇشلار ئىچىدە ئەڭ ھەشىمەتلىكى دەپ قارالماقتا.

ئۇگارىت

  • ئۇگارىت[يەشمىسى:]Ugarit) قەدىمكى فېنكىيىنىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھىرى. ئورونت دەرياسى ئېغىزىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە مەھەللىلەر بارلىققا كەلگەن (خۇررىتىسلار بولسا كېرەك)، مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئالدى-كەينىدە قۇللۇق تۈزۈمىدىكى شەھەر دۆلەتلىرى شەكىللىنىشكە باشلىغان. سېپروس، ئېگېي دېڭىز ئاراللىرى ھەمدە مىسىر، بابىلون قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن قويۇق سودا ئالاقىسى بولغان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅣ ئەسىردە ھىتتلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 1200 يىل ئىلگىرىكى يىللىرى «دېڭىز ئۈستىدىكى مىللەت» نىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا فېنكىيىنىڭ مۇھىم پورتى بولۇپ، قول سانائەت ۋە سودا خېلى تەرەققىي قىلغان. ئاھالىلىرى دېڭىز قاتنىشى ۋە مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن سىپروس ۋە ئېگېي دېڭىز ئاراللىرىغىچە يېتىپ بارغان. 1929-يىلدىن باشلاپ ئۇنىڭ خارابىسى (بۈگۈنكى سۈرىيىدىكى شامرا) ئارخېئولوگىك قېزىش ئارقىلىق ئوردا، ئىبادەتخانا قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ۋە كۆپلىگەن مىخ يېزىق، لاي مەتبەئە ئارخىپ ئىسكىلاتى قاتارلىقلار قېزىپ چىقىلغان. بۇ يادىكارلىقلار قەدىمكى فېنكىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن.

ئۇگاكى ئىسېئى

  • ئۇگاكى ئىسېئى[يەشمىسى:]1868— 1956) ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى. ئوكاياما ناھىيىسىدىن. 1900-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1916-يىلى باش شتاب ئۇرۇش قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ، سىبىرىيىگە ئەسكەر چىقىرىشنى قارار قىلغان. تىرائوچى ئىچكى كابىنېتى جۇڭگو دۇەن چىرۈي ھۆكۈمىتىنى «جۇڭگو-ياپونىيە ھەربىي كېلىشىمى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. 1923-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى تاناكا كېئىچىنىڭ قول ئاستىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە مۇئاۋىن ۋەزىرى بولغان. 1924-يىلى، تاناكا كېئىچىنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولۇپ، ناگاسىيو مىلىتارىستلىرى سىستېمىسىنىڭ ۋارىسىغا ئايلانغان. 1925-يىلى تۆت دىۋىزىيە ئارمىيىنى قىسقارتىش باھانىسى بىلەن ھەربىي ئەسلىھەلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1927-يىلى ياپونىيىنىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق مۇۋەققەت باش ۋالىيسى، 1927-يىلى قايتا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1931-يىلىدىكى «مارت ۋەقەسى» گە چېتىلىپ، مەنسىپىدىن قالدۇرۇلۇپ، ھەربىي سەپتىن چېكىندۈرۈلگەن. 1931-يىلى 6-ئايدىن 1936-يىلى 8-ئايغىچە چاۋشيەندە باش ۋالىي بولۇپ، فاشىستىك ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. 1937-يىلى 1-ئايدا بۇيرۇققا بىنائەن ئىچكى كابىنېت تەشكىللىمەكچى بولغاندا، ھەربىي ۋازارەت باشلىقلىرىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1938-يىلى كونوئى ئىچكى كابىنېتىنىڭ تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە ئۆزلەشتۈرۈش ئىشلىرى ۋەزىرى بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستېپا بەرگەن.1953-يىلى ئالىي پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان، كېيىن ئۇنىڭ ئۈچ توملۇق «ئۇگاكى ئىسېئى خاتىرىلىرى» ناملىق ئەسىرى نەشىر قىلىنغان.

ئۇمەر

  • ئۇمەر[يەشمىسى:]KhattabalUmar ibn، 592 — 644) ئىسلام خەلىپىسى (634 — 644). مەككىدە تۇغۇلغان، ئاقسۆڭەك سودىگەرلىكتىن كېلىپ چىققان. دەسلەپتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىن تارقىتىش پائالىيىتىگە قارشى چىققان، كېيىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ئەبۇ بەكرىگە ياردەملىشىپ دۆلەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغان، كېيىن خەلىپە بولغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ئىراق، سۈرىيە، پەلەستىن، مىسىر ۋە ئىران قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرغان. ئەرەب دۆلىتىنىڭ مەمۇرىي، ئەدلىيە، ھەربىي، مالىيە قاتارلىق بىرقاتار تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ چىققان. «ھىجرىيە» نى ئىسلام دىنىنىڭ يىلنامى قىلىپ بېكىتكەن. كېيىن مەدىنىدە بامدات نامىزىنى ئۆتەۋاتقاندا پېرسىيە تەۋەلىكىدىكى قۇل تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

ئۇمەييە خاندانلىقى

  • ئۇمەييە خاندانلىقى[يەشمىسى:]ئەرەب ئىمپېرىيىسىدىكى تۇنجى خاندانلىق. مىلادى 661-يىلى مۇئاۋىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان. مۇئاۋىيە مەككىدىكى قۇرەيىش قەبىلىسىدىكى ئۇمەييە (Umayya) جەمەتىدىن بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. پايتەختى دەمەشق. ھەدەپ چەتكە كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، شەرقتە خوراساننى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرغان، غەربتە شىمالىي ئافرىقىنى ۋە ئىسپانىيىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە ۋىزانتىيىگە بىر نەچچە قېتىم يۈرۈش قىلغان. Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان دەۋر خاندانلىق راسا روناق تاپقان دەۋر بولغان. پۈتۈن مەملىكەت توققۇز مەمۇرىي ئۆلكىگە بۆلۈنگەن، ئەمىر (باش ۋالىي) قويۇپ باشقۇرغان، قانۇنلار قامۇسى تۈزگەن، ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى قىلىپ بەلگىلەنگەن؛ پۇل بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. خاندانلىقنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، بويسۇندۇرۇلغان رايونلارغا قارىتا قاتتىق زۇلۇم سېلىپ، ئىجارە-باجنى ئېغىرلاشتۇرغان، شۇنىڭ بىلەن جايلاردىكى خەلق ئۈزلۈكسىز تۈردە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، شىئە مەزھىپى ۋە خاۋارىج مەزھىپىمۇ قارشىلىق كۆرسەتكەن. 747-يىلى ئىراندىكى خوراساندا ئەبۇ مۇسلىم قوزغىلىڭى پارتلىغان. 750-يىلى ئەبۇل ئابباس قوزغىلاڭنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۇمەييە خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئابباسىلار خاندانلىقىنى قۇرغان. كېيىن ئۇمەييە جەمەتىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسپانىيىدە كوردوۋا خەلىپىلىكىنى قۇرغان، ئۇ كېيىنكى ئۇمەييە خاندانلىقى دەپمۇ ئاتالغان. 

ئۇمبېرت

  • ئۇمبېرت[يەشمىسى:]UmbertoⅠ، 1844 — 1900) ئىتالىيە كورۇلى (1878 — 1900). ئىممانوئىل Ⅱ نىڭ ئوغلى. 1866-يىلى قوشۇن باشلاپ كۇستوززا جېڭىگە قاتناشقان. 1878-يىلى ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن كورۇللۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. ئۇ، كۈچىنىڭ بارىچە ئەنگلىيىنىڭ كورۇللۇق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىگە تەقلىد قىلىپ، ئىتالىيىنىڭ كورۇللىق ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىنى تېزلەتكەن. 1881-يىلى ۋېنادا زىيارەتتە بولغان، ئىككىنچى يىلى ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقى شەكىللەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئافرىقىغا كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلىغان. 1900-يىلى 7-ئايدا مىلان ئەتراپىدىكى ئىستىراھەت ئورنى مونزا (Monza) دا ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئىتالىيىلىك ئانارخىست بىرېسى (Gaetano Breci، 1869 — 1901) تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئۇمبىرىلار

  • ئۇمبىرىلار[يەشمىسى:]Umbri) قەدىمكى ئىتالىيىنىڭ ئاھالىسى. دەسلەپ ئوتتۇرا ئىتالىيىگە جايلاشقان، ئادرىياتىك دېڭىزىدىن تىررېن دېڭىزىغىچە بولغان كەڭ رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان، كېيىن ئېترۇسلار تىبىر دەرياسىنىڭ غەربىي رايونىنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن (ئېترورىيە دەپ نام بەرگەن)، تىبىر دەرياسىنىڭ شەرقىگە قوغلىۋېتىلگەن ھەم ئۇ يەردە ئۇزاق ۋاقىت تۇرغان، شۇڭا تىبىر دەرياسىنىڭ شەرقىدىن ئادرىياتىك دېڭىزىغىچە بولغان بۇ زېمىنغا ئۇمبىرىيە (Umbria) دەپ نام بېرىلگەن. ئۇمبىرىيىنىڭ دېڭىز ياقىسىدا سېنونېلار (Senones، گاللىلارنىڭ بىر تارمىقى) ئولتۇراقلاشقان، شۇڭا بۇ يەر «گاللىلار كەنتى» (Age Gaillicus) دەپمۇ ئاتالغان. ئۇمبىرىيىنىڭ ئىچكىرىدىكى (جەنۇبىدىكى) نارنىيە (Narnia)، دېڭىز ياقىسىدىكى ئارىمىنۇم (Ariminum)، فانۇم فورتۇنا (Fanum Fortunae) لار مۇھىم شەھەر ھېسابلىنىدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇمبىرىلار رىمغا بويسۇنۇشقا باشلىغان، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا سېنونېلار مۇرىمغا بويسۇنغان. رىم ھۆكۈمرانلىرىنىڭ «گاللىلار كەنتى» گە مۇستەملىكىچىلىكنى يولغا قويۇپ، قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا (بىرىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشىدىن كېيىن، فلامىنى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە)، ئاخىرى رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. رىم دۆلىتى ياساتقان «فلامىنى چوڭ يولى» رىم شەھىرىدىن ئۇمبىرىيىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى فانۇن فورتۇناغىچە بارغان.

ئۇمما

  • ئۇمما[يەشمىسى:]Umma). قەدىمكى زاماندا مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى سۇمېرلىقلارنىڭ شەھەر دۆلىتى. تىگر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا، ھازىرقى ئىراق چېگرىسى ئىچىدىكى يوكخا دۆڭلىكى (Tell Jukha) گە جايلاشقان. تەخمىنەن مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ بېشىدا قۇرۇلغان، قوشنىسى لاگاش بىلەن كۆپ قېتىم چېگرا توقۇنۇشى يۈز بەرگەن. لۇگال-زاگگىسى دەۋرىدە (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 2371 — 2347)، لاگاش، ئۇرۇك، ئۇر، لارسا قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرىنى بېقىندۇرۇپ، مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسىم رايونىنى دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى «ئۇرۇك پادىشاھى» دەپ ئاتىغان. كېيىن شىمالدىكى ئاققاد پادىشاھلىقىنىڭ شاھى سارگونⅠ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. بۇ شەھەر مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅪ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئامورىلار (سەمىتلارنىڭ بىر تارمىقى) تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. 

ئۇنامۇنو

  • ئۇنامۇنو[يەشمىسى:]Miguel de Unamunoy Jugo، 1864 — 1936). ئىسپانىيىلىك پەيلاسوپ، يازغۇچى. بىلبائودا تۇغۇلغان. 1891-يىلدىن باشلاپ سالامانكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گرېك ئەدەبىياتى ۋە ئىسپانىيە ئەدەبىياتى پروفېسسورى بولغان. 1901 — 1914-يىللىرى ۋە 1930 — 1936-يىللىرى شۇ مەكتەپتە مۇدىر بولغان. پارلامېنت ئەزاسى بولغان. مونارخىيىلىك تۈزۈمگە، بولۇپمۇ رىۋېرانىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇپ، ئىسپانىيە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى ياقلىغانلىقى ئۈچۈن 1924-يىلى كاناريە ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1924 — 1930-يىللىرى پارىژدا پاناھلانغان. 1936-يىلى فرانكونى ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە كېسەل بولۇپ ئۆلگەن. ئۇنىڭ «دونكىخوت بىلەن ساچۇنىڭ تەزكىرىسى»، «ھاياتنىڭ تراگېدىيىلىك مۇھەببىتى»، «خرىستىئان دىنىنىڭ جان تالىشىشى» ۋە شېئىر، ھېكايە، ئىلمىي ماقالىلەر توپلاملىرى بار.

ئۇندسېت

  • ئۇندسېت[يەشمىسى:]Sigrid Undset، 1882 — 1949) نورۋېگىيىلىك ئايال يازغۇچى. دانىيىدە تۇغۇلغان. دادىسى ئارخېئولوگ. سودا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1899 — 1909-يىللاردا شىركەت خىزمەتچىسى بولغان. ئۇ قىزلارنىڭ ئىچى پۇشۇش پسىخولوگىيىسىنى تەسۋىرلەشكە ماھىر بولۇپ، كۆپىنچە تارىخىي ۋە ھازىرقى زامان تۇرمۇشىنى تېما قىلغان.1912-يىلى «جېننى» رومانىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، نام چىقارغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇ ئامېرىكىدا ئۆز ۋەتىنى ۋە مۇساپىرلار ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 1945-يىلى دۆلىتىگە قايتقان. ئۇ «كرىستىن لافلەنسداد» دېگەن ئەسىرىدە، نورۋېگىيىدە ⅩⅣ ئەسىردە ياشىغان بىر ئايالنىڭ ئەينى زاماندىكى رېئاللىققا قارشى تۇرغانلىق ھېكايىسىنى تەسۋىرلىگەن؛ ئۈچ قىسىملىق ئەسىرى «يېڭى كېلىننىڭ گۈلچەمبىرىكى»، «خۇسابىنىڭ ئايال خوجايىنى» ۋە «كرېست» ئىنتايىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن ھەمدە نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. يەنە «تەرجىمىھالىم» ۋە باشقا ئەسەرلىرىمۇ بار. 1928-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئۇنېتىسى مەدەنىيىتى

  • ئۇنېتىسى مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر خىل برونزا قوراللار دەۋرىگە ئائىت مەدەنىيەت. دەسلەپتە چېخوسلوۋاكىيىنىڭ پراگا شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇنېتىسى (Unětice) دېگەن جايدا بايقالغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ۋېنگرىيە، گېرمانىيىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئاۋسترىيە، شۋېتسارىيە شۇنداقلا بايىرنى قاتارلىق جايلارغىمۇ كەڭ تارقالغان. ئولتۇراق ئۆيلەر تۆت چاسا بولۇپ، چىتلىنىپ ئۈستىگە لاي سۇۋالغان. ئىقتىسادىي تۇرمۇشى چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىقتىن ئىبارەت. ئۆلگەنلەر كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىنىپ، جەسەت كۈلىنى قۇتىغا سېلىپ، يەر ئاستىدىكى قەبرىگە كۆمۈلۈپ، قەبرىسىنىڭ تۆت ئەتراپى تاش بىلەن يۇمىلاق دائىرە قىلىپ توسۇپ قويۇلغان. كېيىن «جەسەت كۈلى قاچىلانغان قۇتىنى كۆمىدىغان» يېڭىچە قەبرىستانلىق مەيدانغا كەلگەن. ساپال قاچىلاردىن، سىلىقلانغان كىچىك قاچىلاش ئەسۋابى، مېتال ئەسۋابلاردىن، ھەر خىل قۇلاقلىق چۆگۈن، يىڭنە، ساپلىق قىسقا خەنجەر، بىلەزۈك قاتارلىقلار بار. مۈڭگۈزدىن ياسالغان ئەسۋابلار بولۇپ، تاش قوراللار ئاز. مىلادىدىن ئىلگىرى 2000-يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە، ئاستا-ئاستا يېڭى «لۇزى مەدەنىيىتى» مەيدانغا كەلگەن.