خ🔗

خ

خابېر

خابىسبۇرگ سۇلالىسى

خاتتورى ئىتارۇ سۇبۇرۇ

خاتتۇشاش

خاترا

خاتوياما ئىچىرو

خاتىرە كۈنىدىكى قىرغىنچىلىق

خاددا

خادرىيان

خادېس

خارابە

خارالد خارفاگېر

خارەزم

خارەزم

خارەزمى

خارتې

خارتىزم

خاردېنبېرگ

خاردى

خاردىڭ

خارديې

خاررىس

خاررىسون

خارشا ۋاردانا

خارشا ئىمپېرىيىسى

خارگرېئاۋېس

خارولدⅡ

خارۋې

خارنېي

خارىجان ھەرىكىتى

خارىس پاپىرۇسلىرى

خارىست

خاسد رۇبال

خاستىڭ

خاستىڭ جېڭى

خاستىنا پۇرا

خاس جورىلىق تۈزۈم

خاسسۇنا خارابىسى

خافرا

خاكونⅦ

خالتۇرىن

خالدېر

خالىد

خالسبۇرگ فرونتى

خالستېد

خالىفاكس

خاللام

خاللىستان مەدەنىيىتى

خاللىستېنىزم

خاللىقلار دۆلىتى

خامادا كوساكو

خاماگۇچى ئوكاچى

خاممارسكولد

خاممۇرابى

خاممۇرابى قانۇنلىرى

خامىلتون

خامىلكار باركا

خانپەرەسلەر

خان تەرەپدارلىرى

خاندانلىق ئۆرنەكلىرى

خاندانلىق ئۆكتىچىلىرى

خان جەمەتى ئۆرنەكلىرى

خانلىق قۇل

خانلىق ھاكىمىيەت دەۋرى

خانلىق ھاكىمىيەتنى يولغا قويۇپ كونىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

خائۇسسىمانن

خاۋارىجلار

خاۋسا پولىسى

خاۋسخوفېر

خاۋكىنس

خائىڭگىي ئارىلى ۋەقەسى

خاياشى راياما

خاياشى سېندىئۇرو

خاياشى شىخېئى

خايدۇك ھەرىكىتى

خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا

خەلقئارا ئاياللار بايرىمى

خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى

خەلقئارا كالوننا

خەلقئارا ئىتتىپاق

خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتى

خەلق ئاساسىي نىزامى

خەلق ئەھدىنامىسى

خەلق پارتىيىسى

خەلق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى

خەلق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى

خەلق رادىكاللار ئىتتىپاقى

خەلق سوتسىيالىزمى پارتىيىسى

خەلق كونگرېسى پارتىيىسى

خەلق گېزىتى تەرەپدارلىرى

خەلق لىبېرالىستلار پارتىيىسى

خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى

خەلق ۋە دۆلەتنى قوغداش پەرمانى

خەلق ئىرادىسى پارتىيىسى

خەلق ئىشلىرى پارتىيسى

خەندەك غازىتى

خەنجەر رىۋايىتى

خەنجەرۋاز رىتسارلار پولكى

خەنزۇشۇناسلىق

خەلىپە

خەلىپە ھەرىكىتى

خەيباۋ چىڭلىڭ (كەيبو ئائوجىما)

خەيدۇڭ تارىخى

خەيدۇڭ مېتال ۋە تاش ئابىدىلىرى

خرۇشېۋ

خرىستىئان تارىخشۇناسلىقى

خرىستىئان دىنى

خمېلنىسكىي

خلوپكو قوزغىلىڭى

خوئابىن مەدەنىيىتى

خوئارې

خوئارې-لاۋال كېلىشىمى

خوببېس

خوبسون

خوپتمان

خوپكىنىس

خوپلىتېلار

خوتسۇمى نوبۇشكې

خوجىدار

خوخېنزوللېرن جەمەتى

خوخېنزوللېرن خاندانلىقى

خوخېنىستائۇفېن سۇلالىسى

خوخېنلۇخې-شىللىڭ

خوراتىئۇس

خوراسان قوزغىلىڭى

خوراسې مان

خورتېنسىيە قانۇنى

خورتىي

خۇررام مەزھىپى

خورساباد ئوردىسى

خورۋات

خوسراۋⅡ

خوفت

خوفمان

خولت

خولستېن

خولىيە قوزغىلىڭى

خونتا كوتارو

خونجۇيو ئوسامورۇ

خوئوۋېر

خوۋسې

خۇاڭ خۇاتەن

خۇاڭ سىيۇڭ

خۇاڭمۇجىنفۇ (ئاراكى سادافۇ)

خۇبېرتۇسبۇرگ سۈلھ شەرتنامىسى

خۇتتېن

خۇجىلى

خۇزىستان نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى

خۇزىمىن

خۇزىمىن جېڭى

خۇس

خۇسراۋⅠ

خۇسكا

خۇس ئۇرۇشى

خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك

خۇسۇسىي يەر

خۇسۇسىي يەر ئىگىلىرى

خۇس ھەرىكىتى

خۇك

خۇگ كاپې

خۇگېس

خۇگېنوچىلار

خۇگېنو ئۇرۇشى

خۇڭ جىڭلەي قوزغىلىڭى

خۇڭدې قانۇنلىرى

خۇڭ گۇرۇڭ

خۇڭ يىڭجى

خۇلل

خۇيچاۋ

خېررىئو

خېرمانداد

خېئوپىس

خېياكىيو

خىيالىي سوتسىيالىزم

خېيئان دەۋرى

خېيتيەن چىڭلوڭ (كۇرودا كىيوتاكا)

خېيجوكىيو

خېيداۋ چۇەنجى (كۇروشما دېنجى)

خېيدېنستام

خىراج

خىرانوكى چىرو

خروتاكوكى

خروتسۇكازۇر

خرىستىئان سوتسىيالىزمى

خرىستىئان سوتسىيالىستلار پارتىيىسى

خىزېن ۋاسسالى

خىگۇچى يىيې

خىۋا خانلىقى

خىئابانې

ئىزاھى

خابېر

  • خابېر[يەشمىسى:]Fritz Haber،1868 — 1934) گېرمانىيىلىك خىمىك. برېسلاۋدا تۇغۇلغان. 1906 — 1911-يىللىرى گېرمانىيىنىڭ كارسىروۋى سانائەت داشۆسىدە پروفېسسور بولغان، 1911-يىلىدىن كېيىن ۋىللىيام خانلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ فىزىكا-خىمىيە تەتقىقات ئورنى ھەمدە ئېلېكترو خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە بېرلىن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1933-يىلى ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارنى چەتكە قېقىش سىياسىتىدىن نارازى بولۇپ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن ۋە ئەنگلىيىگە لېكسىيە ئوقۇشقا چىقىپ كەتكەن. بىر ئۆمۈر پۈتۈن كۈچىنى خىمىيىلىك مۇۋازىنات ۋە گاز جىسىملارنىڭ رېئاكسىيىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقاتقا قاراتقان. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى ئاممىياكنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىققان. بۇنىڭ ئۈچۈن 1918-يىلى نوبىل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ ئۇسۇل كارل بوش (Karl Bosch، 1874 — 1940)نىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشى بىلەن سانائەتلەشكەن. «خابېربوس قانۇنى» دەپ ئاتىلىپ، ھازىرقى زامان مۇقىم ئازوت سانائىتى ھەمدە ئازوت ئوغۇت سانائىتى ئۈچۈن ئاساس سالغان. ئۇنىڭ «سانائەتتىكى گازلارنىڭ رېئاكسىيىلىك ئىسسىقلىق مېخانىكىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

خابىسبۇرگ سۇلالىسى

  • خابىسبۇرگ سۇلالىسى[يەشمىسى:] ياۋروپا تارىخىدا ئۆتكەن سۇلالە. خابىسبۇرگ (Habichtsburg ياكى Habsburg، «بۈركۈت قەلئەسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ھازىرقى شۋېتسارىيىنىڭ شىمالىدا) گرافى رودولف Ⅰ تەرىپىدىن قۇرۇلغان. مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى(1273 — 1438،1438— 1806)، ئىسپانىيە پادىشاھلىقى(1516 — 1700)، ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسى (1804 — 1867)، ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى (1867 — 1918) شۇنىڭدەك بەزى كىچىك پادىشاھلىق ۋە كىنەزلىكلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئاساسلىق كورۇل ياكى ئىمپېراتورلاردىن مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ، ئىسپانىيە كورۇلى فىلىپⅡ، ئاۋسترىيە ئىمپېراتورى مارىيەترىشا ۋە فرانىس يوسىفⅠ، ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېراتورى چارلېس Ⅰ قاتارلىقلار ئۆتكەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى گۇمران بولۇپ، بۇ سۇلالىگە خاتىمە بېرىلگەن.

خاتتورى ئىتارۇ سۇبۇرۇ

  • خاتتورى ئىتارۇ سۇبۇرۇ[يەشمىسى:]1901 — 1956) ياپونىيە تارىخشۇناسى.1925-يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي پەن كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1926-يىلى ياپونىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1930-يىلى مەركىزىي ئەپكار جەمئىيىتىنىڭ مەتبۇئات نازىرى بولغان.1932-يىلى خانى گورو قاتارلىق كىشىلەر بىلەن «ياپونىيىنىڭ كاپىتالىستىك تەرەققىيات تارىخى توغرىسىدا لېكسىيە» نى يېزىشقا قاتناشقان. كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن تەتقىقات خىزمىتىنى توختىتىپ قويغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1949 -يىلى ياپونىيە كومپارتىيىسىگە كىرگەن، 1952-يىلى سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئاساسلىقى ياپونىيە يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلغان، بولۇپمۇ مېيجى يېڭىلىقى تارىخىنى ئالاھىدە تەتقىق قىلغان. شوگناتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياپونىيە «ھەقىقىي ئىشخانا قول سانائىتى باسقۇچى»دا تۇراتتى، مېيجى يېڭىلىقى نوقۇل فېئوداللىق دۆلەتتىن مۇتلەق دۆلەتكە ئۆتۈش يولىدىكى بۇرۇلۇش، ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئېلىپ بېرىلغان بۇژۇئا ئىنقىلابى، بۇ ئىنقىلابنى ئالغا سۈرگەن ئاساسىي گەۋدە باي دېھقانلار ۋە باي سودىگەرلەر قاتلىمى دېگەنلەرنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ بۇ تەشەببۇسلىرى ياپونىيە تارىخشۇناسلىق ساھەسىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن. «مېيجى يېڭىلىقى تارىخى»، «مېيجى يېڭىلىقى تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات»، «مېيجى يېڭىلىقىتوغرىسىدا»، «مېيجى ئىنقىلابى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. كېيىن 24 توملۇق «خاتتورى ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

خاتتۇشاش

  • خاتتۇشاش[يەشمىسى:]Hattushash) كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كاپپادوسىيىدىكى قەدىمكى شەھەر. ھىتت پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى. ھازىرقى تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بوگازكۇي (Bogazkoy). ئەسلى ئىپتىدائىي ھىتتلار قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىي جايى، مىلادى ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇرسرى Ⅰ پايتەخت قىلىپ بەلگىلىگەن (مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅢئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ پايتەخت قىلىنغان)، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئارخېئولوگلار كەينى-كەينىدىن بۇ خارابىنى قازغان. بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر سېپىلىنىڭ قالدۇقلىرى، خان ئوردىلىرىنىڭ خارابىسى، تۈرلۈك ئويما بۇيۇملار ھەمدە دۆلەتنىڭ ئارخىپ ئامبىرى بار، ئامباردا ساقلانغان تەخمىنەن 20 مىڭ پارچە مىخ يېزىقلىق سېغىز بەت (يىلنامە، قانۇن، دىپلوماتىيىگە ئائىت ھۈججەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، بۇلار مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ھىتتلارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

خاترا

  • خاترا[يەشمىسى:]Hatra) ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قەدىمكى شەھەر. موسۇلنىڭ (Mosul) غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 100 كىلومېتر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان. تەخمىنەن Ⅰ ئەسىر ئەتراپىدا دىنىي پايتەخت، ھەربىي جەھەتتە مۇھىم ئورۇن، سودا كارۋانلىرى ئارام ئالىدىغان جاي بولغاچقا تەرەققىي تاپقان. مىلادى 241-يىلى ساسسانىيلار سۇلالىسىدىكى شاپورⅠ تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 1951-يىلىدىن كېيىن ئىراق ئارخېئولوگىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن تېپىلغان. خارابىنىڭ تەكشىلىك يۈزى ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، دىئامېترى تەخمىنەن ئىككى كىلومېتر كېلىدۇ، شەھەر تاملىرى تاش بىلەن قوپۇرۇلغان، مەركەز رايونىدا كۋادرات شەكىللىك مۇقەددەس رايون (مېتر 320×465 مېتر) بولۇپ، تاش بىلەن قوپۇرۇلغان چوڭ ئىبادەتخانا زالى بار. مۇقەددەس رايوننىڭ سىرتىدىمۇ يەنە 12 ئىبادەتخانا زالى بولۇپ، مەرمەر تاش، ھاك تاش، برونزا قاتارلىقلاردىن ياسالغان بۇت، سۈرەت قاتارلىقلار تېپىلغان. مۇقەددەس رايوندىن شەرق، غەرب، جەنۇب ۋە شىمالغا بارىدىغان تۆت دەرۋازىسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا خام خىشتىن ياسالغان كۆپ ئۆيلەر بار بولۇپ، كۆپ قىسمى تېخى قېزىلمىغان. شەرقىي دەرۋازا ئەتراپىدا قەبرىستانلىق بار. يەنە تاشتىن ياسالغان ئېگىز قەبرىمۇ بار.

خاتوياما ئىچىرو

  • خاتوياما ئىچىرو[يەشمىسى:]1883 — 1959) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1954—1956). 1907-يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن كەسپىنى تۈگەتكەن. 1915-يىلدىن باشلاپ ئۇدا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. توكيو شەھەرلىك پارلامېنتنىڭ باشلىقى، سىياسىي مەسلەكداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىش بېجىرىش باشلىقى، تاناكاگىچى كابىنېتىنىڭ كاتىبات باشلىقى بولغان. ئىنوكائى كابىنېتى بىلەن سايتو ماكاتو كابىنېتىنىڭ مائارىپ ۋەزىرى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن،ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ياپونىيە لبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ لېدىرى(1945— 1946)، ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ لېدىرى (1954 — 1955)، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ لېدىرى (1956) بولغان. ئۈچ نۆۋەت كابىنېت زۇڭلىسى بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ «خاتوياما ئىچىرو ئەسلىمىلىرى» ناملىق ئەسىرى بار.

خاتىرە كۈنىدىكى قىرغىنچىلىق

  • خاتىرە كۈنىدىكى قىرغىنچىلىق[يەشمىسى:] جەڭدە قۇربان بولغان كوماندىر-جەڭچىلەرنى خاتىرىلەش كۈنىدىكى چوڭ قىرغىنچىلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئىش تاشلىغۇچى ئىشچىلارنى باستۇرۇش قانلىق ۋەقەسى. 1937-يىل 5-ئاينىڭ 5-كۈنى چىكاگودىكى جۇمھۇرىيەت پولات-تۆمۈر شىركىتى ئىشچىلىرى ئىش تاشلىغاندا، شىركەت دائىرىلىرى لۈكچەكلەرنى ياللىۋېلىپ ھەمدە ساقچىلارنى كۈشكۈرتۈپ، ئىش تاشلىغان ئىشچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرۇپ، 10 نەپەر ئىشچىنى ئۆلتۈرگەن، 80 نەپەردىن كۆپرەك كىشىنى يارىدار قىلغان. شۇ كۈنى دەل ئامېرىكىدا جەڭدە قۇربان بولغان كوماندىر-جەڭچىلەرنى خاتىرىلەش كۈنى بولغاچقا «خاتىرە كۈنىدىكى قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتالغان.

خاددا

  • خاددا[يەشمىسى:]Hadda) كۇشان پادىشاھلىقىدىن تارتىپ مىلادى Ⅷ ئەسىرگىچە بۇددا دىنى ئىبادەتخانىلىرىنىڭ خارابىسى. ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى جالالئاباد (Jalalabad)نىڭ جەنۇبىغا 8 كىلومېتر كېلىدۇ. شۈەنزاڭنىڭ خاتىرىلىرىگە ئاساسلانغاندا، شەھەردە ئىككى قەۋەتلىك راۋاق بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە تاتاگاتانىڭ باش سۆڭىكى مۇنارى، تاتاگاتانىڭ ئىسكىلىت مۇنارى، تاتاگاتانىڭ كۆزى ساقلانغان مۇنار قاتارلىقلار بولغان. 1923-يىلى قېزىلىشقا باشلىغان، كۆپلىگەن گەج ھەيكەللەر چىقىپ قەندىھار ۋە تاشرا قاتارلىقلاردىن باشقا ئافغانىستاندىمۇ بۇ خىل ئويمىچىلىقنىڭ بارلىقى ئىسپاتلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تاپاكالان، چاشىل گۇندى، گىل نائو ھەم باگگي قاتارلىق يەتتە ئىبادەتخانىنىڭ خارابىسى تېپىلىپ، خاددانىڭ مۇنارلىرى يىلنامىسى تۈزۈلۈپ، قەندىھارنىڭ بىناكارلىق تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئېتىلگەن.

خادرىيان

  • خادرىيان[يەشمىسى:]Publius Aelius Hadrianns، 76 — 138) قەدىمكى رىم پادىشاھى (117 — 138). تراجان بىلەن بىر يۇرتلۇق (ئەسلى يۇرتى ئىسپانىيىنىڭ نىدالىكا دېگەن جايى) ياكى تۇغقان (ئېيتىشلارغا قارىغاندا تاغىسى)، ئارمىيىگە قاتنىشىپ، جايلارغا بېرىپ ئۇرۇش قىلغان، تراجان ئۆلگەندىن كېيىن ئارمىيە تەرىپىدىن پادىشاھ قىلىپ تىكلەنگەن. سىرتقا قارىتا چېگرا مۇداپىئە سىياسىتىنى قوللانغان. شەرقتە پارفىيە (باكتىرىيە) بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، ئېفرات دەرياسىنى پاسىل قىلغان. برىتانىيە زېمىنىدە «خادرىئان سېپىلى»نى قۇرغان، تا بۈگۈنكى كۈنگىچە بۇ سېپىلنىڭ خارابىلىرى ساقلىنىپ كەلمەكتە. يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقادىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈپ، چوڭ توپىلاڭنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان. مىلادى 132 — 135-يىللىرى دەھشەتلىك باستۇرۇش ئېلىپ بارغان، ھايات قالغان يەھۇدىيلار كۆپلەپ ياقا يۇرتلارغا قېچىپ كەتكەن. ئىچكى جەھەتتە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرگەن ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، رىتسارلار قاتلىمىنى بيۇروكرات ئاپپاراتلارغا سەپلىگەن، قانۇنشۇناسلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، قانۇنشۇناس يولىئانو (Salvius Ju Lianus) غا «ئەبىدىيلىك قانۇنى» نى تۈزۈپ چىقىشقا بۇيرۇق قىلغان. ھوقۇق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى ئىمپېرىيىنىڭ ھەممىلا يېرىنى ئايلىنىپ چىقىپ (120 — 123)، داۋاملىق تۈردە رىم ۋە باشقا شەھەرلەرنى قۇرۇش ھەمدە ئۇنى بېزەش بىلەن شۇغۇللانغان، ئەدەبىيات-سەنئەتنى مۇكاپاتلىغان.

خادېس

  • خادېس[يەشمىسى:]Haides ياكى Hades) يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئاخىرەت (دوزاخ) پادىشاھى. پلوتون (Ploutom ياكى Pluto) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كرونوس بىلەن رېيەنىڭ ئوغلى. زېۋىس بىلەن پوسېيدوننىڭ ئۇكىسى، ئۇ كرونوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، چەك تاشلاپ ئۇ دۇنياغا ئىگە بولغان ئىمىش (زېۋىس بىلەن پوسېيدون ئايرىم-ئايرىم پانىي ئالەم ۋە دېڭىز-ئوكيانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىكەن). خوتۇنى پىرىسېفونى (Persephone، سىڭلىسى دېمېتېرنىڭ قىزى) بىلەن ئاخىرەتنى باشقۇرۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ روھىنى سوت قىلىمىش. پانىي ئالەمدە خەير-ساخاۋەت قىلغان ئاز ساندىكىلەرنى بەختلىك ئېلوسئونغا (Elysion) باشلاپ بارارئىمىش، كۆپ ساندىكى مۇشتۇمزورلارنى بولسا دوزاخنىڭ تەكتىدىكى تارتاروسقا (Tartarus) تاشلايمىش، دوزاخنىڭ دەرۋازىسىنى يامان ئىت كېربېرۇ (Cerberus) ساقلايمىش، دوزاخقا كىرگەنلەر ھەرگىز چىقالمايمىش، «خادېس پادىشاھلىقى» ئەمەلىيەتتە «دوزاخ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

خارابە

  • خارابە[يەشمىسى:]Harappa) ھىندى دەرياسى ۋادىسى مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ خارابىلىرىدىن بىرى. ھازىرقى پاكىستاننىڭ پەنجاب ئۆلكىسى تەۋەلىكىگە جايلاشقان. 1921-يىلى تېپىلغان. ھىندى دەرياسى ۋادىسىدا بۈگۈنكى كۈنگىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ بىرى. بۇ شەھەر قەلئە ۋە ئولتۇراق رايونىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، خىشتىن قوپۇرۇلغان شەھەر قەلئەسى ئېگىز ھەم قېلىن بولۇپ ھۆكۈمرانلار ئولتۇرۇشلۇق قەلئە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەھەرنىڭ يەنە بىر بۆلىكى ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلاشقان رايونى. خاراپپا موخىنجۇ-دارو بىلەن بىر ۋاقىتتا ھىندى دەرياسى ۋادىسى مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان. ئارخېئولوگ ۋېلېر (Robert Eric Mortimer Wheeler، 1890 — 1976) نىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن مىلادىدىن 2500 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىن مىلادىدىن 1750 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدۇ (رادىئوئاكتىۋلىق كاربون بىلەن ئۆلچەنگەن يىل بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش). بۇ مەدەنىيەت ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «خارابە مەدەنىيىتى» دەپ ئاتالغان. بۇ بىر خىل ئۆزگىچە برونزا قوراللار دەۋرىگە مەنسۇپ مەدەنىيەت ھېسابلىنىدۇ. قېزىۋېلىنغان يادىكارلىقلار ئىچىدە خىش قۇرۇلۇشلار، قورال-سايمانلار، ساپال قاچىلار، سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە خەت ئويۇلغان تامغا قاتارلىقلار بار. بۇ يادىكارلىقلار سىنىپ ۋە دۆلەتنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، خاراپپا بىلەن موخىنجۇ-دارونىڭ بەلكىم ئەينى چاغدا مۇستەقىل ئىككى شەھەر دۆلىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئادەتتە ئىپتىدائىي درا ئويدىيانلار قاتارلىقلار مەزكۇر مەدەنىيەتنىڭ ئىجادچىسى دەپ قارىلىدۇ. بۇ شەھەر تەخمىنەن مىلادىدىن 1750 يىل ئىلگىرى ۋەيران قىلىنغان. بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ھەر خىل قاراش بولۇپ، يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى دېگۈچىلەرمۇ، يەر تەۋرەش، كەلكۈن ۋەيران قىلغان دېگۈچىلەرمۇ بار.

خارالد خارفاگېر

  • خارالد خارفاگېر[يەشمىسى:]Harald Haarfager، تەخمىنەن 850 — تەخمىنەن 933) نورۋېگىيە كورۇلى (860—930). خارفاگېرنىڭ مەنىسى «ئالتۇن چاچ» دېگەنلىك. دادىسى خالۋدان (Halvdan) نىڭ زېمىنى ۋىستفولد (Vestfold) ۋە ئوپلاند (Oppland) غا ۋارىسلىق قىلغان. كېيىن تروندېلاگ (Trondelag) نى بويسۇندۇرغان. 872-يىلى ستاۋانگ يېنىدىكى خافرىسفىئورد (Hafrsfiord) جېڭىدە «غەربنىڭ قاراقچىسى» دەپ نام ئالغان بىر فېئودال ئاقسۆڭەكنى يېڭىپ، پۈتكۈل نورۋېگىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان مەزگىللىرى قاتتىق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەنلىكتىن، ھەتتا ئاقسۆڭەكلەر ئىچىدىكى بىر قىسىم مۇھىم كىشىلەرمۇ چەت ئەللەرگە قېچىپ كەتكەن. دۆلەتنىڭ تىنچلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىنى توسۇش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتىپ دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ شوتلاندىيىدىكى بازىسىنى يوقاتقان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا دۆلەتنى بىرقانچە ئوغۇللىرىغا بۆلۈپ بېرىپ، نورۋېگىيىنىڭ قايتىدىن پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خارەزم

  • خارەزم[يەشمىسى:] بەزىلەر خارەزمنىڭ پايتەختى ئۇرگەنچ (Urghendj) دېگۈچىلەرمۇ بار.

خارەزم

  • خارەزم[يەشمىسى:]Khorezm ياكى Khwarezm)ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت. ئامو دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا جايلاشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردە قۇللۇق جەمئىيەتكە قەدەم قويغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن. 712-يىلى ئەرەبلەر تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرى مۇستەقىل بولغان. Ⅺ ئەسىردىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ غەزنەۋىيلەر خاندانلىقى، سالجۇق ئىمپېرىيىسى ۋە قارا خىتايلارغا قارام بولۇپ كەلگەن. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرى قارا خىتايلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئافغانىستان ۋە ئىراننىڭ غەربىي قىسمىنى بېسىۋېلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغان. ئىگىلىكى ۋە مەدەنىيىتى راۋاجلانغان. 1220-يىلى چىڭگىزخان موڭغۇل قوشۇنىنى باشلاپ كېلىپ خارەزمگە ھۇجۇم قىلغان، خارەزم شاھى مۇھەممەد قېچىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئوغلى جالالىددىن (Djelaluddin) داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىپ، كېيىن ھىندىستانغا چېكىنگەن، خارەزمنى موڭغۇللار بېسىۋالغان. 1388-يىلى، خارەزمنى يەنە تېمۇر ئىستېلا قىلىۋالغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۆزبېكلەر بېسىۋالغان. كېيىن مۇستەقىل بولۇپ، خىۋا خانلىقى قۇرۇلغان.

خارەزمى

  • خارەزمى[يەشمىسى:]Al-Khwarizmi، 780 — 850) ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد ئىبنى مۇسا (Muhammad ibn Musa) بولۇپ، خارەزمدە تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتىغان.مەشھۇر ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم. باغداد رەسەتخانىسىدا ئىشلىگەن. دۇنيا بويىچە تۇنجى ئالگېبرا ئىلمى ئەسىرى «ئىنتېگرال ۋە تەڭلىمىلىك ھېسابلاش ئۇسۇلى»دا 800 دىن كۆپرەك مىسال كەلتۈرۈلۈپ، ئالگېبرانى راۋاجلاندۇرۇپ، مۇستەقىل ئىلىمگە ئايلاندۇرغان. ئالگېبرا (Algebra) دېگەن بۇ ئاتالغۇ شۇ كىتابتىكى «ئال-جەبىر» (Al-jabr ئىنتېگرال مەنىسىدە) دىن كەلگەن. بۇ كىتاب ⅩⅡ ئەسىردە لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئاساسلىق دەرسلىكى قىلىنىپ، تاكى ⅩⅥ ئەسىرگىچە ئىشلىتىلگەن. ئەرەب رەقىمىمۇ مۇشۇ كىتاب ئارقىلىق غەربكە تارقالغان. ياۋروپالىقلار ئەرەب رەقىمىنى Algrism دەپ ئاتىغان، بۇ ئەل خارەزمىنىڭ بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىش شەكلىدىن ئىبارەت. ئۇ يەنە قەدىمكى ھىندىستان ۋە يۇنان ئاسترونومىيىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يەكۈنلەپ، ئالدىنقىلارنىڭ نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىپ، مەشھۇر خارەزمى كالېندارىنى تۈزۈپ چىققان.

خارتې

  • خارتې[يەشمىسى:]Francis Bret Harte، 1836 — 1902) ئامېرىكا يازغۇچىسى. نيۇ-يورك شتاتىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1854-يىلى ئانىسىغا ئەگىشىپ كالفورنىيىگە كۆچۈپ كەتكەن. ئالتۇن چايقاش ئىشچىسى، مەتبەئە ئىشچىسى ۋە ئىدارە ئىش بېجىرگۈچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1868 — 1870-يىللىرى «چوڭ قۇرۇقلۇق ئايلىق ژۇرنىلى» نىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1868-يىلى نام چىقارغان، ئەسىرى «چۇقانلىق لاگېردىكى تەلەيلىك بالا» نى ئېلان قلغان.1871—1878-يىللىرى نيۇ-يوركقا كۆچۈپ كېلىپ داۋاملىق يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.1878 — 1885-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيە ۋە شوتلاندىيىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان. كېيىن ئەنگلىيىدە ئولتۇراقلىشىپ شۇ يەردە ئۆلگەن. ھېكايە يېزىش ماھارىتىگە پىششىق، رېئاللىق بىلەن فانتازىيىنى ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ماھىر، ئەسەرلىرىدە يۇمۇرلۇق ھېسسىيات كۈچلۈك بولۇپ، ئالتۇن چايقاش ئىشچىلىرىنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. پۇلنىڭ چىرىتىش رولى ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيە ۋاسىتىسى تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن ساتىرىك شېئىرلىرى بار.

خارتىزم

  • خارتىزم[يەشمىسى:] ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئەنگلىيىدە پارتلىغان ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەركەز قىلغان پرولېتارىيات سىياسىي ھەرىكىتى. ئۇنىڭ ئاساسىي تەلىپى «خەلق خارتىيىسى» ناملىق پروگرامما خاراكتېرلىك ھۈججەتتە مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇرژۇئازىيە ئىشچىلارنىڭ سايلام ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش كۈرىشىدىن پايدىلىنىپ، 1832-يىلى پارلامېنت ئىسلاھاتنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئىشچىلار سىنىپىغا قارىتا ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ۋە ئېزىشنى كۈچەيتىپ، غالىبىيەت مېۋىسىنى تارتىۋالغان. پرولېتارىيات تەدرىجىي ھالدا مۇستوقىل ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنى باشلىغان. 1836-يىلى لوندوندا قول سنائەتچىلەرنىڭ ۋەكىلى لوۋېت (William Lovett، 1800 — 1877) باشچىلىقىدىكى لوندون ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغان ھەمدە كېيىنكى يىلى پارلامېنتقا مۇراجىئەتنامە تاپشۇرغان. بۇ 1838-يىلى «خەلق خارتىيىسى» نامىدا ئېلان قىلىنىپ، ئومۇمىي سايلام قاتارلىق 6 ماددىلىق سىياسىي تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. جايلاردىمۇ ئارقىمۇ ئارقا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى قۇرۇلۇپ، بۇرژۇئازىيە ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ئىچىدىكى تەرەققىيپەرۋەر زاتلارنىڭ ئاۋاز قوشۇشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، كۈچلۈك سىياسىي نامايىش شەكىللەنگەن. 1838-يىلى 10-ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك خارتىزمچىلار مەملىكەتلىك يىغىنىنىڭ ۋەكىللەر سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، قىشتا تۇنجى قېتىملىق ئىمزا قويۇش ھەرىكىتى قوزغالغان، ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ سانى بىر مىليون 280 مىڭ ئادەمگە يەتكەن. 1839-يىلى 2-ئايدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك يىغىن ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، كۆپلىگەن رەھبەرلىرى قولغا ئېلىنغان. 1840-يىلى 7-ئايدا مەملىكەتلىك خارتىزمچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، ئىككىنچى قېتىملىق يۇقىرى دولقۇن قوزغىتىلغان. ئىككىنچى قېتىملىق مۇراجىئەتنامە (1842-يىلى) گە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ سانى 3 مىليون 300 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى مائاش ئۆستۈرۈش، ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىش تەلەپ قىلىنغان ئىش تاشلاش ھەرىكىتى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. ئۈچىنچى قېتىملىق دولقۇن 1848-يىلى يۈز بېرىپ، مۇراجىئەتنامىگە بىر مىليون 970 مىڭ ئادەم ئىمزا قويغان. كېيىن بۇ ھەرىكەت كۈنسايىن ئاجىزلاشقان. خارتىزمچىلارنىڭ رەھبىرىي كۈچى ئاساسلىقى ئۈچ ئېقىمغا بۆلۈنگەن: سولچىلار ھارنېي جونىسنى ۋەكىل قىلغان، ئوتتۇرىدىكىلەر «زوراۋانلار» نىڭ داھىيلىرىدىن ئوكوننور، ئوبرىئېن (James Bronterre O’Brien، 1805 — 1864)نى ۋەكىل قىلغان، ئوڭچىلار «ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتچىلەر» نىڭ داھىيسى لوۋېتنى ۋەكىل قىلغان. ئىنقىلابىي سىياسىي پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغاچقا، كۈرەش مۇراجىئەتنامە سۇنۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمران سىنىپنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇشى نەتىجىسىدە، ھەرىكەت ئاخىرى مەغلۇپ بولغان. بىراق، ئۇ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مۇستەقىل بىر سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىققانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىدى، ماركس، ئېنگېلس ۋە لېنىن ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەرگەن.

خاردېنبېرگ

  • خاردېنبېرگ[يەشمىسى:]Karl August Von Hardenberg، 1750 — 1822) پرۇسسىيە باش ۋەزىرى (1810 — 1817). ھاننوۋېردىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1782-يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھاننوۋېر، برائوسۋېگ قاتارلىق جايلاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1790-يىلى ئانىسباخ-بېيروئېت رايونىنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى بولغان. ئىككىنچى يىلى مەزكۇر رايوننى بىر ئۆلكە سۈپىتىدە پرۇسسىيىگە قوشۇۋەتكەن. 1795-يىلى بۇيرۇققا بىنائەن فرانسىيە بىلەن «باسېل سۈلھ شەرتنامىسى» ئىمزالىغان. 1804-يىلى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، 1806-يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى پرۇسسىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان، ناپولېئوننىڭ بېسىمى ئاستىدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1810-يىلى 7-ئايدا سىتېيندىن كېيىن پرۇسسىيىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە سىتېيننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىنى داۋاملىق يۈرگۈزگەن؛ مالىيە پەرمانى ۋە «تەرتىپكە سېلىش پەرمانى» نى ئېلان قىلىپ، يۇنكىرلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان؛ يەھۇدىيلار دۆلەتنىڭ پۇقراسى دەپ ئېلان قىلغان؛ كېيىن يەنە تەرتىپكە سېلىش پەرمانىنىڭ تولۇقلاش بەلگىلىمىلىرىنى ئېلان قىلغان. سىرتقا قارىتا جانلىق سىياسەت قوللانغان. 1812-يىلى ناپولېئون روسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، روسىيە بىلەن بىرلىشىپ، فرانسىيىگە قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، غەلىبە قىلغان. 1814 — 1815-يىللىرى پرۇسسىيە باش ۋەكىلى سۈپىتىدە ۋېنا يىغىنىغا قاتنىشىپ ساكسونىيىنىڭ بىر قىسمىغا ۋە شۋېتسىيە زېمىنىنىڭ بىر قىسمىغا ئىگە بولغان. شۇنىڭدەك «مۇقەددەس ئىتتىپاق» نىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتناشقان.

خاردى

  • خاردى[يەشمىسى:]Thomas Hardy، 1840 — 1928) ئەنگلىيە يازغۇچىسى ھەم شائىرى. كىچىكىدىن تارتىپلا ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە ئەدەبىيات ۋە مۇزىكىغا قىزىققان. ياش ۋاقتىدا ياردەمچى ئارخېتېكتور بولۇپ ئىشلىگەن. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئەسەرلىرىدە كاپىتالىستىك شەھەر مەدەنىيىتىگە قارشى تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن فېئودال پاترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى يېزا تۇرمۇشىنى غايىۋىلەشتۈرگەن. كېيىنكى مەزگىلدىكى ئەسەرلىرىدە رېئالىزملىق تەركىب كۈچەيگەن بولۇپ، خەلقنىڭ نامرات تۇرمۇشىغا بەكمۇ ھېسداشلىق قىلىنغان، كاپىتالىزمنىڭ ئاتالمىش مەدەنىيەت ھەم ئەخلاق پەزىلىتى ئەيىبلەنگەن. مۇھىم ئەسەرلىرىدىن «يۇرتىغا قايتىش»، «كاستچا شەھىرىنىڭ باشلىقى»، «ئورمانلىقتىكى ئاھالە»،«تېس» ۋە «نامسىز چۇد» قاتارلىق رومانلىرى ھەمدە «ھۆكۈمران» ناملىق شېئىرىي درامىسى بار.

خاردىڭ

  • خاردىڭ[يەشمىسى:]Warren Gamaliel Harding، 1865 — 1923) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1921 — 1923). جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن. ئوخىئو مەركىزىي شۆيۈەندە قانۇن ئوقۇغان. كېيىن گېزىتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان.1899—1902-يىللىرى ئوخىئو شتاتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولغان.1903— 1905-يىللىرى ئوخىئو شتاتىنىڭ مۇئاۋىن شتات باشلىقى بولغان. 1915 — 1921-يىللىرى كېڭەش ئەزالىقىغا سايلانغان. 1920-يىلى «نورمال ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1921 — 1922-يىللىرى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي تەييارلىقلىرىنى چەكلەش ۋە يىراق شەرق شۇنىڭدەك تېچ ئوكيان رايونلىرى مەسىلىسى توغرىسىدىكى ۋاشىنگتون يىغىنى چاقىرىپ «تۆت دۆلەت ئەھدىنامىسى»، «بەش دۆلەت ئەھدىنامىسى» ۋە «توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى» نى تۈزۈپ، «ۋاشىنگتون سىستېمىسى» نى شەكىللەندۈرگەن. ئۇ زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىللىرى ئەمەلدارلارنىڭ خىيانەت-نەپسانىيەتچىلىكى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن. 1923-يىلى 8-ئايدا ئالياسكىدىن سەپەرگە چىقىپ ۋە نۇتۇق سۆزلەپ قايتىپ كېلىۋاتقىنىدا سان-فرانسىسكودا ئۇشتۇمتۇت قازا تاپقان.

خارديې

  • خارديې[يەشمىسى:]Jameskeir Hardie، 1856 — 1915) ئەنگلىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئوڭ قانات ئەربابى، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئوڭچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ياش-ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا كان ئىشچىسى بولغان. كېيىن گېزىت-ژۇرناللاردا باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1892-يىلى تۆۋەن پالاتانىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. شوتلاندىيە ئىشچىلار پارتىيىسى، لېيبورىستلار پارتىيىسى ۋە ئەنگلىيە لېيبورىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. پارلامېنت يولى ئارقىلىق سوتسىيالىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدا تىنچلىقپەرۋەرلىكنى تەرغىپ قىلغان. ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى قوللاپ،ئاشكارا ھالدا سوتسىيال شوۋىنىزملىق مەيداندا تۇرغان. «ھىندىستان توغرىسىدىكى تەسىرات ۋە ھېسسىياتىم» ناملىق ئەسىرى بار.

خاررىس

  • خاررىس[يەشمىسى:]William Harris، 1835 — 1909) ئامېرىكا پېداگوگى، ئىدېئالىست پەيلاسوپى. كوننېستكوت شتاتىدا تۇغۇلغان. يېل داشۆسىدە ئوقۇغان. 1857-يىلىدىن باشلاپ سانت لۇئىس مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1868 — 1880-يىللىرى مەزكۇر مەكتەپنىڭ نازارەتچىسى بولغان. 1889 — 1906-يىللىرى قوشما شتات ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ ئەزاسى بولغان. ئامېرىكىدا دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى تۇنجى بالىلار باغچىسىنى قۇرغان. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرسلىكلىرىنى كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تولۇقلاپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرگەن. ئۇ گېگېل پەلسەپىسىنى ئامېرىكىدا ئەڭ بۇرۇن تارقاتقان. ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى گېرمانىيىلىك بروكمېيېر (Henry Conrad Brockmeyer، 1826 — 1906) بىلەن «سانت لۇئىس پەلسەپە ئىلمىي ئېقىمى»نى تەسىس قىلغان. 1867 — 1893-يىللىرى «دەستەكچىلىك پەلسەپىسى ژۇرنىلى» تەسىس قىلىپ گېگېلنىڭ ئوبيېكتىپ ئىدېئالىزمىنى تەشۋىق قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ پەلسەپە ئىلمىي ئېقىملىرىنى تونۇشتۇرغان. «ۋېبوست يېڭى خەلقئارا لۇغىتى» نىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان، شۇنىڭدەك «ئاپوردون خەلقئارالىق مائارىپ مەجمۇئەسى» نىڭ تەھرىرلىكىگە مەسئۇل بولغان. «پەلسەپە تەتقىقاتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، «مائارىپنىڭ پسىخولوگىيىلىك ئاساسى» قاتارلىق كىتابلىرى بار.

خاررىسون

  • خاررىسون[يەشمىسى:]1) ۋىليام ھېنرى خاررىسون (William Henry Harrison،1773— 1841) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1841-يىلى 3-، 4-ئايلار). ۋىگ پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى. ۋىرگىنىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. 1791-يىلى ئارمىيىگە كىرگەن، كۆپ قېتىم ئىندىئانلار بىلەن بولغان ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1801 — 1813-يىللىرى ئىندىئانا رايونىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئىندىئانلارغا ھۇجۇم قىلىشقا قوماندانلىق قىلغان ھەمدە ئىندىئانلار بىلەن كۆپلىگەن شەرتنامە ئىمزالىغان. 1812-يىلى ئىككىنچى قېتىملىق ئامېرىكا-ئەنگلىيە ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ھەربىي قوماندان بولغان ۋە ئۇرۇشتا كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن. بىرنەچچە قېتىم ئاۋام پالاتانىڭ ئەزالىقىغا، كېڭەش پالاتانىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان،1828— 1829-يىللىرى كولۇمبىيىدە تۇرۇشلۇق كونسۇل بولۇپ ئىشلىگەن.1840-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان، لېكىن بىر ئايدىن كېيىن ئاغرىپ ئالەمدىن ئۆتكەن، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ تىيلېر ئورنىغا دەسسىگەن. (2) بېنجېمىن خاررىسون(Benjamin Harrison،1833—1901). ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1889 — 1893). ۋىليام ھېنرى خاررىسوننىڭ نەۋرىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن. ئوخىئو شتاتىدا تۇغۇلغان. 1852-يىلى مېئامې داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. ئادۋوكات بولۇپ ئىشلىگەن. ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش مەزگىللىرى پولكوۋنىك دەرىجىلىك ئوفىتسېر بولغان. 1881 — 1887-يىللىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىللىرى «مىكىنلېي تاموژنا قانۇنى» ۋە «شىرېماننىڭ تولاسقا قارشى قانۇن لايىھىسى» نى ماقۇللىغان. 1889-يىلى فان ئامېرىكا يىغىنى چاقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا بولغان تەسىرىنى كېڭەيتكەن؛ ئەنگلىيە، گېرمانىيە بىلەن ساموئا تاقىم ئاراللىرىنى بۆلۈۋالغان. 1899-يىلى ۋېنسۇئېلا ۋە ئەنگلىيىگە تەۋە گۋىئانا چېگرىسىدا يۈز بەرگەن ماجىرادا، ۋېنسۇئېلا ۋەكىلىنىڭ مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە ئەنگلىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. «بىزنىڭ بۇ دۆلىتىمىز»، «بىر سابىق زۇڭتۇڭنىڭ نۇقتىئىنەزەرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

خارشا ۋاردانا

  • خارشا ۋاردانا[يەشمىسى:]Harsha Vardhana، 590 — 647) يەنە بىر نامى شىلادىتيا (Sila ditya). ھىندىستاندىكى خارشا ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. تەختتىكى مەزگىللىرى (606 — 647) شىمالىي ھىندىستاننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پايتەختنى كانوكوبجا شەھىرىگە كۆچۈرگەن. مەمۇرىي سىستېما بەرپا قىلغان. مەدەنىيەت- سەنئەتنى تەشەببۇس قىلغان، ئۆزى «ئەجدىھا مەستانىسى»، «ئاشىقلىق» ۋە «ئۈنچە-مەرۋايىت» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى ۋە بىر قىسىم شېئىرلارنى يازغان. دىنغا قارىتا يول قويۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەن، ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ھەرقايسى دىن مۇرىتلىرى قاتناشقان «ئوچۇق يىغىن» ئۆتكۈزۈپ، كەڭ دائىرىدە خەير-ئېھسان قىلغان. جۇڭگو تاڭ سۇلالىسى راھىبى شۈەنزاڭ ھىندىستاننى زىيارەت قىلغاندا خارشانىڭ كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. مىلادى 641-يىلى (تاڭ سۇلالىسى جېنگۈەننىڭ 15-يىلى) تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەت ئورناتقان. تاڭ سۇلالىسىمۇ ۋاڭ شۈەنسى، جياڭ شىرىنلارنى ھىندىستانغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن، ئۇلار ھىندىستانغا يېتىپ كەلگەندە خارشا ۋاردانا ئالەمدىن ئۆتكەنىدى.

خارشا ئىمپېرىيىسى

  • خارشا ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:] مىلادى Ⅶ ئەسىردىكى ھىندىستاندىكى فېئودال دۆلەت. گۇپتا سۇلالىسى ھالاكەتكە يۈزلەنگەندىن كېيىن، گانگ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ستانسىۋارا (Sthanisvara، ھازىرقى تانېسار [Thanesar])دا باش كۆتۈرگەن. مىلادى 606-يىلى خارشاۋاردانا تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، كۈچلۈك ئارمىيە قۇرغان. 30 يىلدىن كۆپرەك ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق شىمالىي ھىندىستاننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تارىختا خارشا ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتالغان. بۇ ئىمپېرىيىنىڭ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى قىسقا بولغان، 647-يىلى خارشا ئۆلۈپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا پارچىلىنىپ كەتكەن.

خارگرېئاۋېس

  • خارگرېئاۋېس[يەشمىسى:]Jams Hargreaves،1720 — 1778) ئەنگلىيىلىك كەشپىياتچى. ئەسلى لانكاشىردا توقۇمىچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1764-يىلى ئېگىرىش ماشىنىسىنى كەشپ قىلىپ (قىزىنىڭ ئىسمى بويىچە جېننى ئېگىرىش ماشىنىسى دەپ نام قويغان) چاق بىلەن بىر ئادەم بىرلا ۋاقىتتا بىردىن ئىككىگىچە ئۇرچۇقنى ئىشلىتىشتىن بىر ئادەم بىرلا ۋاقىتتا 16 دىن 18 گىچە ئۇرچۇق ئىشلىتىش سەۋىيىسىگە يەتكۈزگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ توقۇمىچىلارنىڭ ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى ئۆسكەن.

خارولدⅡ

  • خارولدⅡ[يەشمىسى:]HaroldⅡ، 1020 — 1066) ئەنگلىيىدىكى ئانگلو-ساكسون جەمەتىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى (1066). غەربىي ساكىسنىڭ گرافى گادېۋىننىڭ چوڭ ئوغلى.1053-يىلى دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن گرافلىققا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەنگلىيە بويىچە ئەڭ چوڭ ھوقۇقلۇق ئاقسۆڭەككە ئايلانغان. 1066-يىلى 1-ئايدا ئەنگلىيە كورۇلى ئېدۋارد (توۋا قىلغۇچى) ئۆلۈپ، دانىشمەنلەر يىغىنىدا ئەنگلىيە پادىشاھلىقىغا سايلانغان. 9-ئايدا، نۇرماندىيە كىنەزى ۋىليام قوشۇن تارتىپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىغا تاجاۋۇز قىلغان. خارولد دەرھال قوشۇن باشلاپ جەڭگە ئاتلانغان. 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىككى ئارمىيە خاستىڭ دېگەن جايدا قاتتىق ئېلىشقان، خارولد جەڭدە يېڭىلىپ ئۆلگەن. ۋىليام پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي لوندوننى ئىشغال قىلىپ، ئۆزى ئەنگلىيىنىڭ كورۇلى بولغان. ئەنگلىيە تارىخىدىكى ئانگلوساكسون دەۋرىگە خاتىمە بېرىلگەن.

خارۋې

  • خارۋې[يەشمىسى:]1578—1657) ئەنگلىيىلىك دوختۇر، تەجرىبە فىزىئولوگىيىسىنىڭ پېشىۋاسى. باي سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1597-يىلى كىمبىرىج داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن ئىتالىيىدىكى پادوۋا داشۆسىدە ئوقۇپ، مېدىتسىنا بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1602-يىلى دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، لوندون خانلىق مېدىتسىنا شۆيۈەنىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. قوشۇمچە ئەنگلىيە كورۇلى جامۇس Ⅰۋە چارلېس Ⅰنىڭ ئوردا دوختۇرى بولغان. ئۇزۇن مۇددەت كۆزىتىش ۋە تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ھايۋاناتلارنىڭ بەدىنىدىكى قان ئايلىنىش سىستېمىسىنى بايقاپ، يېقىنقى زامان فىزىئولوگىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ھايۋاناتلارنىڭ قان ھەرىكىتىنىڭ ئاناتومىيىلىك تەتقىقاتى»، «جانلىقلارنىڭ كۆپىيىشى توغرىسىدا» قاتارلىقلار بار.

خارنېي

  • خارنېي[يەشمىسى:]George Julian Harney1817 —1897) ئەنگلىيە خارتىستلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. ماتروس ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەتبەئە ئىشچىسى، مۇخبىر بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئاخىرى ئەنگلىيە خارتىستلار ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىپ، ھەرىكەتنىڭ سول قانىتى، يەنى «زوراۋانچىلار»نىڭ رەھبەرلىرىدىن بولۇپ قالغان. ئىشچىلار ئۆزىنىڭ كۈرىشىگە تايىنىپ ئازادلىققا ئېرىشىشى كېرەك؛ خەلقنى قوراللاندۇرغاندىلا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان. 40-يىللارنىڭ بېشىدا ماركس ۋە ئېنگېلس بىلەن يېقىنلاشقان، دېموكراتىك بۇرادەرلەر جەمئىيىتىنى تەشكىللىگەن، شۇنىڭدەك كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن. لېكىن توغرا نەزەرىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدىن مەھرۇم بولغاچقا دائىم تەۋرىنىپ تۇرغان. 50-يىللاردىن باشلاپ بىر مەزگىل بۇرژۇئازىيە خەير-ساخاۋەت ھەمكارلىق ھەرىكىتىنى قوللىغان. 1869-يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقان.

خارىجان ھەرىكىتى

  • خارىجان ھەرىكىتى[يەشمىسى:] ھىندىستاندىكى موخانداس كارامچاند گەندى تەشەببۇس قىلغان ئاۋام خەلقنىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈش ھەرىكىتى. خارىجان(Harijan) دېگەن سۆز «خۇدانىڭ ئوغلى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، گەندى ئىجاد قىلغان ئاۋام خەلق تەبىقىسىنىڭ نامى. ئۇ ئاۋام خەلقمۇ باشقا تائىپىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئوخشاشلا بىر خۇداغا ئېتىقاد قىلىدۇ، شۇڭا ئوخشاش ھوقۇقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، دەپ قارىغان. 1931-يىلى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق يۇمىلاق جوزا يىغىنىدىن كېيىن، گەندى ئەنگلىيىنىڭ «بۆلۈپ ئىدارە قىلىش» سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاۋام خەلقنى مىللىي ھەرىكەتكە قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلغان ھەمدە ئاۋام خەلق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 1932-يىل 9-ئاينىڭ 20-كۈنى گەندى تۈرمىدە ئاچلىق ئېلان قىلىپ، ئاۋام خەلققە ھىندى مۇرىتلىرى سايلىغۇچىلار بىرلىكىدە 148 ئورۇن ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان. گەندىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئاۋام خەلق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ھىندى دىنى كېڭىشىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن «پونا كېلىشىمى» ئىمزالاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كومىتېتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. گەندىنىڭ چاقىرىقى ئاستىدا، ئاۋام خەلق تۈزۈمىگە قارشى ئىككى تەشكىلات قۇرۇلغان، بۇ تەشكىلاتلار خەلق كونگىرېسى پارتىيىسىنىڭ ئاپتونومىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. خەلق كونگىرېسى پارتىيىسى مادراس ئۆلكىسىدە ئاۋام خەلقىنىڭ ھىندى دىنى ئىبادەتخانىلىرىغا كىرىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، 1932-يىل 12-ئاينىڭ 18-كۈنىنى ھىندىستان بويىچە «ئارىلاشماسلىققا قارشى تۇرۇش كۈنى» قىلىپ، 1933-يىل 1-ئاينىڭ 8-كۈنىنى «ئارىلاشمىغانلارنىڭ ئىبادەتخانىغا كىرىش كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن.

خارىس پاپىرۇسلىرى

  • خارىس پاپىرۇسلىرى[يەشمىسى:] قەدىمكى مىسىردىكى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئەڭ ئۇزۇن ساقلىنىپ كەلگەن ھاكىمىيەت ھۈججەتلىرىنىڭ قول يازمىسى. 1855-يىلى مۇجنىت خوب (تېبېسنىڭ ئەتراپى) ئەتراپىدىكى بىر قەبرىدىن تېپىلغان، ئەنگلىيىلىك خارىس دېگەن ئادەم تاپقانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 77 پارچە پاپىرۇس قەغەز شىلىم بىلەن چاپلىنىپ بىر تۈرۈك قىلىنغان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 40 مېتر كېلىدۇ. تېكىستى يېڭى مىسىر تىلىدا بولۇپ، راھىبلار ئېروگېلىفى بىلەن يېزىلغان، ئىچىدە رەڭلىك قىستۇرما سۈرەتلەر بار بولۇپ، فىرئەۋىنلەرنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن. رامسېسⅢ نىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇ سۇيىقەستچىلەر تەرىپىدىن قەست قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى رامسېسⅣ سۇيىقەستچىلەرنى باستۇرۇپ، روھانىيلار بىلەن بىرلىشىپ خانلىق ئورۇننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، دادىسى ۋە ئەجدادلىرىنىڭ بارلىق سوۋغاتلىرى (ئىبادەتخانا مۈلكى) نى ئېنىق يېزىپ روھانىيلارغا بەرگەنلىكى ھۈججەتتە كۆرسىتىلگەن. ئەسلى تېكىستى ئالتە قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقى ئۈچ قىسمىدا پادىشاھنىڭ مىسىردىكى ئۈچ شەھەرنىڭ ئىلاھىغا، يەنى تېبېس شەھىرىدىكى ئامون ئىلاھى، ھېلىئوپولىس شەھىرىدىكى را ئىلاھى، مېمپىس شەھىرىدىكى پۇتا ئىلاھى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرىغا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى خاتىرىلەنگەن. تۆتىنچى قىسمىدا مىسىردىكى باشقا ئىلاھلار خاتىرىلەنگەن. بەشىنچى قىسمىدا سانلار جەملەنگەن. ئالتىنچى قىسمىدا ئون توققۇزىنچى سۇلالىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە مىسىردا يۈز بەرگەن توپىلاڭ بىلەن رامسېس Ⅲ نىڭ پادىشاھ بولغان مەزگىلىدىكى خاتىرجەملىك خاتىرىلەنگەن. بۇ قول يازما مىسىردىكى يېڭى پادىشاھلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئىقتىساد تارىخىغا ئائىت قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتكەن. ئەسلى نۇسخىسى لوندون برىتانىيە مۇزېيىدا ساقلانماقتا.

خارىست

  • خارىست[يەشمىسى:]William Randolph Hearst، 1863 — 1951) ئامېرىكىنىڭ گېزىت-ژۇرنال تارقاتقۇچىسى. ياش ۋاقتىدا مۇخبىر بولغان، كېيىن كاتتا گېزىت سودىگىرى بولۇپ قالغان. ئۇ 18 خىل گېزىت ۋە توققۇز خىل ژۇرنال تارقاتقان. كىشىلەر ئۇنى خارىستنىڭ گېزىت-ژۇرنىلى دەپ ئاتىغان. بۇ گېزىت-ژۇرناللار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خەۋەرلەر، روشەن ماۋزۇ ۋە باھاسى ئەرزان بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان. 1903 — 1907-يىللىرى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. سىياسىي پوزىتسىيىسى مۇتەئەسسىپ بولۇپ، يېتىم قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشقا قارشى تۇرغان، كومپارتىيىگە قارشى مەيدانىدا چىڭ تۇرغان. دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. روزۋېلت «يېڭى سىياسەت» نى يولغا قويغان چاغدا، ئۇنىڭ ئەمگەكچىلەر سىياسىتى ۋە باج سىياسىتىگە قەتئىي قارشى تۇرغان.

خاسد رۇبال

  • خاسد رۇبال[يەشمىسى:]Hasdrubal) (1) (مىلادىدىن ئىلگىرى؟ — 221). كارفاگېن قوماندانى، خامىلكار باركانىڭ كۈيئوغلى. مىلادىدىن 237 يىل ئىلگىرى خامىلكارغا ئەگىشىپ ئىسپانىيىگىچە بېرىپ، فېلوتقا قوماندانلىق قىلغان. مىلادىدىن 229 يىل ياكى 228 يىل ئىگىرى ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق كارفاگېن ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. مىلادىدىن 228 يىل ئىلگىرى ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدا يېڭى كارفاگېن شەھىرىنى قۇرغان ۋە كۈچ توپلاپ رىم بىلەن تىركەشكەن. يەرلىك ئاھالىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، ئورنىغا گاننىبال ۋارىسلىق قىلغان. (2) (مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 207) خامىلكار باركانىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى. ئاكىسى گاننىبال ئىتالىيىگە جازا يۈرۈشى قىلغاندا، ئىسپانىيىنى ساقلاپ قالغان. گاننىبالنىڭ قوشۇن باشلاپ ئالىپ تاغلىرىدىن ئۆتۈپ ئىتالىيىگە كىرىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مىلادىدىن 207 يىل ئىلگىرى ئومبىرىيە تەۋەلىكىدىكى مېتائۇرۇس (Metaurus) دەرياسى بويىدا رىم ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ھالاك بولغان.

خاستىڭ

  • خاستىڭ[يەشمىسى:]Warren Hastings،1732 — 1818)ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىسى، ھىندىستاننىڭ تۇنجى ۋالىيسى (1774 — 1785). زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1750-يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىدە ئىشلىگەن، كىلىۋېنىڭ كالكوتتىدا تۇرۇشلۇق كۈچلۈك ياردەمچىسى. 1772 — 1774-يىللىرى بېنگال ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى بولغان. ۋالىي بولغان مەزگىللىرىدە بىر قاتار مالىيە، باج ۋە ئەدلىيە تۈزۈملىرىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. بېنگال ناۋابلىرىنىڭ يىللىق پۇلىنى كېمەيتكەن، موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورىغا بېرىلىدىغان يىللىق تەمىناتنى توختاتقان، بېنالېس كىنەز-تۆرىلىرىدىن كۆپ مىقداردا ئولپان ئالغان، تىلەمچى راھىبلار مەزھىپى دېھقانلار قوزغىلىڭىنى دەھشەتلىك تۈردە باستۇرۇپ، روخىللا(Rohilla) لىقلارنىڭ يېرىنى يۇتۇۋالغان. فرانسىيە كۈچلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ماراتا ئۇرۇشى (1775 —1781)ۋە موسۇل ئۇرۇشىنى (1780 — 1784) قوزغاپ، جۇڭگونىڭ شىزاڭ رايونىغا كۆز تىككەن، ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن. 1785-يىلى ئەنگلىيىگە قايتقان. ئۈچ يىلدىن كېيىن ئەرز قىلىنىپ سوتقا تارتىلىپ، يەتتە يىل داۋاملىشىپ ئاخىرى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىنغان.

خاستىڭ جېڭى

  • خاستىڭ جېڭى[يەشمىسى:] نورماندىيە كىنەزى ۋىليامنىڭ ئەنگلىيىنى ئىستېلا قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ. 1066-يىلى 1-ئايدا، ئەنگلىيە كورۇلى ئېدۋارد (توۋا قىلغۇچى) قازا قىلىپ، خارولد Ⅱ كورۇل بولغان. 9-ئايدا ۋىليام ئېدۋارد ھايات ۋاقتىدا ئەنگلىيىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ماقۇل بولغان، دېگەننى باھانە قىلىپ، قوشۇن باشلاپ برىتانىيە ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىن قۇرۇقلۇققا چىققان. خارولد ئالدىراپ جەڭگە كىرگەن. 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەتىگەندە، ئىككى تەرەپ خاستىڭ (Hastings) دېگەن جايدا قاتتىق ئېلىشقان. ئەنگلىيە كورۇلىنىڭ مۇھاپىزەتچى ئەترىتى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى پىيادە ئۇرۇش قىلغان. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قورالى ئايپالتا ۋە يىراققا ئاتىدىغان نەيزە بولۇپ، قالقان بىلەن ئۆزلىرىنى قوغدىغان. ۋىليامنىڭ قوشۇنى ئېغىر ساۋۇتلۇق ئاتلىق ئەسكەرلەر ۋە ئوقياچىلاردىن تەركىب تاپقان. كەچقۇرۇن بولغاندا خارولدقا ئوقيا تېگىپ ئۆلۈپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسى يېڭىلگەن. كەينىدىنلا ۋىليام پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي لوندوننى ئىشغال قىلىپ، ئۆزى ئەنگلىيە كورۇلى بولۇپ،ۋىليامⅠ «ئىستېلاچى» دەپ ئاتالغان.

خاستىنا پۇرا

  • خاستىنا پۇرا[يەشمىسى:]Hastinapura) مەنە تەرجىمىسى پىل شەھىرى. ھىندىستاننىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى پايتەخت خارابىسى. دېھلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن تەخمىنەن 100 كىلومېتر كېلىدىغان جايدا. بۇرۇن كۆرۇ دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغان. 1950 — 1952-يىللىرى قېزىلغان. بەش مەزگىلگە بۆلۈشكە بولىدۇ. بىرىنچى مەزگىل (مىلادىدىن 1200 يىل ئىلگىرى ياكى ئۇنىڭدىن بالدۇر) بېغىر رەڭ ساپال قاچا مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئائىت ئىزنا ياكى ئاسارئەتىقىلەر تېپىلمىغان. ئىككىنچى مەزگىل (مىلادىدىن ئىلگىرى 1000 — 800) كۈل رەڭ گۈللۈك ساپال مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ بولۇپ، تىپىك كۈل رەڭ گۈللۈك ساپال قاچىلاردىن باشقا سۇس قارا، قىزىل رەڭ يالىتىلغان ساپال قاچىلار، ھايۋانات ھەيكەللىرى، برونزا ئوتىغۇچ ۋە ئەينەك بىلەزۈك قاتارلىقلار بار. ئۆيلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئېنىق ئەمەس. خارابىلارنى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەن. ئۈچىنچى مەزگىل (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرگىچە) شىمال تەرەپتىكى سىپتا ئىشلەنگەن قارا ساپال قاچىلارنى ئالاھىدىلىك قىلغان دەسلەپكى تارىخىي دەۋرىدىن ئىبارەت. بۇ مەزگىلدە تۆمۈر قوراللار، قېلىپتا ياسالغان ساپال ھەيكەللەر تېپىلغان. ئۆيلىرى پىششىق خىش، كېسەكلەردىن ياسالغان. كېيىن ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ كەتكەن. تۆتىنچى مەزگىل (مىلادىدىن ئىلگىرىⅡئەسىردىن مىلادى Ⅲ ئەسىرگىچە) سۇنگا كۇشان پادىشاھلىقى دەۋرىدىن ئىبارەت. بەشىنچى مەزگىل (Ⅺ ئەسىردىن ⅩⅤ ئەسىرگىچە) ئوتتۇرا ئەسىرگە مەنسۇپ.

خاس جورىلىق تۈزۈم

  • خاس جورىلىق تۈزۈم[يەشمىسى:] «بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمدىكى ئائىلە» گە قارالسۇن.

خاسسۇنا خارابىسى

  • خاسسۇنا خارابىسى[يەشمىسى:] ئىراقتىكى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە مەنسۇپ خارابە. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى موسۇل (Mosul)نىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 35 كىلومېتر كېلىدىغان خاسسۇنا(Hassuna) كەنتىدە. 1943 — 1944-يىللىرى ئىراق ئارخېئولوگىيە ئىدارىسى قېزىپ، جەمئىي 15 مەدەنىيەت قاتلىمىنى تاپقان. بىرىنچىدىن بەشىنچى قاتلامغىچە ئوچاق، نان پىشۇرىدىغان ئوچاق، ئىدىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئولتۇراق خارابىسى تېپىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سېرىق، جىگەر رەڭ خام ساپالنىڭ ئۈستىگە ئاق پەرداز توپىسى بېرىلگەن، يەنە ئۇنىڭ ئۈستىگە جىگەر رەڭ، تۇم قارا رەڭلەر بىلەن كاتەكچە نەقىشلەر، ئەگرى-بۈگرى نەقىشلەر سىزىلغان «خاسسۇنا رەڭدار ساپاللىرى»تېپىلغان. ئالتىنچى قەۋىتىدىن ئونىنچى قەۋەتكىچە بولغان ئارىلىقتا خارافوچە ساپال قاچىلار، 11-قەۋىتىدىن 12-قەۋىتىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئوبادچە ساپال قاچىلار تېپىلغان. 13-قەۋىتىدىن 15-قەۋىتىگىچە بولغان ئارىلىق قالايمىقانلىشىپ كەتكەن. يەردىن قېزىۋېلىنغان نۇرغۇن ئاسارئەتىقىلەر خارافو دەۋرىدىن ئىلگىرىكى ساپال قاچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ساماراچە ساپال قاچىلارنىڭ خاسسۇنانىڭ ئوتتۇرا دەۋرىدە تېپىلغىنىغا ئائىت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ قەدىمكى ئىراقنىڭ ساپال قاچىلار تەتقىقاتى ۋە يىلنامىسىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

خافرا

  • خافرا[يەشمىسى:]Khafra) قەدىمكى يۇنانلىقلار چىفرېن ( Chaphren) دەپ ئاتىغان. قەدىمكى مىسىرنىڭ تۆتىنچى سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋىنى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 2558 — 2533). فىرئەۋىن كوفۇنىڭ ئاسراندى بالىسى. تەختتىكى مەزگىللىرىدە بۇيرۇق قىلىپ ئېھرام ياساتقان، ئېھرامنىڭ ئېگىزلىكى 5.138 مېتر كېلىدۇ (جىزا دېگەن جايدىكى ئۈچ چوڭ ئېھرامدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ). ئېھرامنىڭ قېشىغا غايەت زور شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل (سىفىنكىس) ياسالغان بولۇپ، بۇ ھەيكەلنىڭ ئېگىزلىكى 20 مېتر، ئۇزۇنلۇقى 57 مېتر كېلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ ھەيكەل غايەت زور بىر تەبىئىي ئۇيۇلتاشتىن ئويۇپ ياسالغان بولۇپ، بېشى خافرانىڭ چىرايىغا ئوخشايدىكەن، ئۇ فىرئەۋىننىڭ ھەيۋىتىگە سىمۋول قىلىنغانىكەن.

خاكونⅦ

  • خاكونⅦ[يەشمىسى:]HaakonⅦ، 1872 — 1957) نورۋېگىيە كورۇلى (1905 —1957). دانىيىدە تۇغۇلغان. دانىيە كورۇلى فرېدېرېخ Ⅷ نىڭ ئىككىنچى ئوغلى. 1896-يىلى ئەنگلىيە كورۇلى ئىدۋارد Ⅶنىڭ قىزى بىلەن توي قىلغان. 1905-يىلى نورۋىگىيە شۋېتسىيىدىن بۆلۈنۈپ مۇستەقىل بولغاندا گراژدانلارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ۋە نورۋىگىيە پارلامېنتىنىڭ سايلىشى ئارقىلىق نورۋىگىيە كورۇلى بولغان. ھەربىي تەلىم ئالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، نورۋىگىيە بىتەرەپ مەيداندا تۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيىلىك تاجاۋۇزچى ۋە چىسلىن بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغان. 1940-يىلى ئەنگلىيىگە قېچىپ بېرىپ داۋاملىق ھالدا گېرمانىيىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1945-يىلى 6-ئايدا لوندوندىن نورۋىگىيىگە قايتىپ كېلىپ ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغان.

خالتۇرىن

  • خالتۇرىن[يەشمىسى:]Степан Николаевич Xалтурин 1856 — 1881) روسىيىلىك ئىشچى ئىنقىلابچى. ياغاچچىلىقتىن كېلىپ چىققان. بۇرۇنلا پېتربۇرگتا ئىلغار ئىشچىلار تەشكىلاتى «دوستلۇق جەمئىيىتى» گە قاتناشقان. 1878 — 1879-يىللىرى ئوبنورىسكىي بىلەن بىرلىكتە «شىمالىي روسىيە ئىشچىلار جەمئىيىتى» گە رەھبەرلىك قىلىپ، چارروسىيىنىڭ ئىستىبداتلىق تۈزۈمىگە قارشى چىققان. كېيىن خەلق ئىرادىسى پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1880-يىلى 2-ئايدا، قىشلىق سارايدا ئالېكساندر Ⅰنى قەستلىمەكچى بولۇپ نىيىتىگە يېتەلمىگەن. 1882-يىلى 3-ئايدا ئودېسسانىڭ باش ھەربىي تەپتىشى سترېلىنكوۋنى (В.С.Стрельнков) ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا قولغا ئېلىنغان ۋە ھەربىي سوتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.

خالدېر

  • خالدېر[يەشمىسى:]Franz Halder، 1884 — 1972) ناتسېست گېرمانىيىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرال پولكوۋنىكى. ھەربىي ئائىلىدە تۇغۇلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە باش شتابتا خىزمەت ئۆتىگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي لاۋازىمەت ئەمەلدارى بولغان. 1938-يىلى 8-ئايدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش شتاب باشلىقى بولغان. 1942-يىلى 9-ئايدا خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان. 1944-يىلى 7-ئايدا گىتلېرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان، ئىككىنچى يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا قوشۇنلىرى جازا لاگىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان. «ئۇرۇش مەيدانىدىكى قوماندان گىتلېر» ناملىق ئەسىرى بار.

خالىد

  • خالىد[يەشمىسى:]641-ياكى 642—؟) ئەرەب سەركەردىسى. مەككە قۇرەيىش قەبىلىسىدىن. ئىلگىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئىسلام دىنىغا قارشى ئوھود غازىتى، خەندەك غازىتىغا قاتناشقان. مىلادى 629-يىلى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغان. جەڭدە تۆھپە كۆرسەتكەنلىكتىن «ئاللانىڭ زۇلپىقارى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 632-يىلى، خەلىپە ئەبۇ بەكرنىڭ بۇيرۇقى بويىچە قوشۇن باشلاپ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى قەبىلە ئىسيانىنى باستۇرغان. ئارقىدىنلا ئىراققا يۈرۈش قىلىپ، خىللا شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. كېيىن سۈرىيىگە بېرىپ سۈرىيىدىكى ئەرەب ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 635-يىلى دەمەشىقنى بېسىۋالغان، كېيىن قوشۇنلىرىنى بۇ يەردىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. 636-يىلى 8-ئايدا يارمۇك (Yarmuk)دەرياسى (ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى) بويىدىكى جەڭدە ۋېزانتىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. دەمەشىقنى قايتىدىن ئىشغال قىلىپ سۈرىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى ئىستېلا قىلغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان.

خالسبۇرگ فرونتى

  • خالسبۇرگ فرونتى[يەشمىسى:] گېرمانىيە فاشىستلىرى ۋە مىلىتارىستلىرىنىڭ ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىش قەستىدە بولغان سىياسىي ئىتتىپاق. 1931-يىل 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، ناتسېستلار پارتىيىسى، گېرمانىيە مىللىي خەلق پارتىيىسى، پولات قالپاق تەشكىلاتى، پان گېرمان ئىتتىپاقى قاتارلىق ئەكسىيەتچى پارتىيە ۋە تەشكىلاتلار ھەمدە مونوپول كاپىتالىستلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى خالسبۇرگتا يىغىلغان. گىتلېر بۇ يىغىنغا قاتناشقان. ئاخىرى ناتسىستلار پارتىيىسى گېرمانىيە مىللىي خەلق پارتىيىسى بىلەن بىرلەشكەن ۋە كاتولىك دىنى مەركىزى پارتىيىسى ئوڭ قانات قاتارلىق ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئەكسىيەتچى ئىتتىپاق، يەنى «خالسبۇرگ فرونتى»نى تەشكىللەپ، 15 ئايدىن كېيىن ئىچكى جەھەتتە فاشىستلىق دىكتاتۇرا ئورنىتىشنى پىلانلىغان.

خالستېد

  • خالستېد[يەشمىسى:]William Stewart Halsted، 1852 — 1922) ئامېرىكا خىرورگى. نيۇ-يوركتا تۇغۇلغان.1874-يىلى يېل داشۆسىنى پۈتتۈرگەن.1877-يىلى نيۇ-يورك تىببىي شۆيۈەنىدە تىببىي دوكتور بولغان. ياۋروپاغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان.1880-يىلى نيۇ-يوركقا قايتىپ ئىشلىگەن ۋە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1886-يىلى يوھاننىس خوپكىنىس تىببىي شۆيۈەنىدە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئامبولاتورىيىنىڭ مۇدىرى بولغان. كېيىن بۇ شۆيۈەننىڭ تاشقى كېسەللىكلەر پروفېسسورى بولغان. كوكايىن بىلەن يەرلىك ئورۇننى سەزمەس قىلىش ئۇسۇلىنى ھەممىدىن ئاۋۋال ئىجاد قىلغان. سۈت بېزى راكى، چات ئېرىقچىسى، قالقان بەز قاتارلىق ئوپېراتسىيىسىنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى لايىھىلەپ چىققان. ئەستايىدىل قان توختىتىش، قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلىش، يارىنى يىپەك يىپ بىلەن تىكىش قاتارلىق ئىشلارنى تەشەببۇس قىلغان. 1890-يىلى ئالدى بىلەن تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيىسىدە دېزىنفېكسىيە قىلىنغان رېزىنكە پەلەي ئىشلەتكەن. ئۇ كېسەلخانا ۋىراچى، تاشقى كېسەللىك دوختۇرلىرىنى تەربىيىلەش چارىسىنىڭ ئاساسچىسى. «جاراھەتنى ساقايتىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە تەتقىقات»، «خىرورگىيە ئىلمىي ماقالىلىرى توپلىمى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

خالىفاكس

  • خالىفاكس[يەشمىسى:]Edward Frederick Lindley Wood Halifax، 1881 — 1959)ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1938 — 1940). 1910-يىلى تۆۋەن پالاتاغا كىرگەن، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىدىن. 1922 — 1924-يىللىرى مائارىپ ۋەزىرى بولغان. 1924 — 1925-يىللىرى يېزا ئىگىلىك ۋە بېلىقچىلىق ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. 1925 — 1931-يىللىرى ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىللىرى گەندى تەشەببۇس قىلغان ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىگە قارىتا ھىندىستانغا دومىنىئونلۇق ئورۇن بېرىشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1934-يىلى دادىسىنىڭ ۋىكوندلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان. 1935-يىلى يۇقىرى پالاتادىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بولغان. شۇ يىلى دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. 1935 — 1937-يىللىرى مۆھۈردار بولغان. تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغاندا جېنىنىڭ بارىچە ئارتۇر نېۋىللې چېمبېرلىننىڭ ماداراچىلىق سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرغان. 1941—1946-يىللىرى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. 1944-يىلى گرافلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ نۇتۇق توپلاملىرىدىن «ھىندىستان مەسىلىسى»، «دىپلوماتىيە سىياسىتى توغرىسىدا» ۋە «ئامېرىكا نۇتۇقلىرى» قاتارلىقلار بار.

خاللام

  • خاللام[يەشمىسى:]Henry Hallam،1777 — 1859) ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس. ئوكسفورد داشۆسىدە ئوقۇغان. ئىلگىرى لوندوندا ئادۋوكات بولغان. ئەنگلىيە خانلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1830-يىلى ئەنگلىيە كورۇلى گېئورگى Ⅳ تەسىس قىلغان تارىخ ئىلمىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. سىياسىي جەھەتتە ۋىگ پارتىيىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، مۇتەئەسسىپلىك مەيدانىدا چىڭ تۇرغان ۋە دائىم ۋىگ پارتىيىسىنىڭ ژۇرنىلى «ئېدىنبۇرگ ئوبزورى» غا ماقالە يېزىپ بەرگەن. ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى «ئەنگلىيىنىڭ دېموكراتىك سىياسىي تارىخى» 1827-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 1485—1760-يىللىرىدىكى ئەنگلىيىدە بولۇپ ئۆتكەن تارىخىي ئىشلار خاتىرىلەنگەن. بۇ كىتابنى كۆپلىگەن داشۆلەر دەرسلىك ئورنىدا ئىشلەتكەن، ماركس بىلەن ئېنگېلس بۇ كىتابقا شەرھى يازغان. يەنە «ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپا تارىخى» ناملىق كىتابى بار. بۇنىڭدا Ⅴ ئەسىردىن ⅩⅤ ئەسىرگىچە ئۆتكەن ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ تارىخى قىسقىچە بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا «ⅩⅤ، ⅩⅥ ۋە ⅩⅦ ئەسىردىكى ياۋروپا ئەدەبىياتىغا مۇقەددىمە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

خاللىستان مەدەنىيىتى

  • خاللىستان مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] غەربىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ياۋروپا تۆمۈر قوراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بىرىنچى مەزگىل مەدەنىيىتى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅤ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىرگىچە). دەسلەپ ئاۋسترىيىنىڭ سالىزبۇرگ (Salzburg) نىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 50 كىلومېتر كېلىدىغان خاللىستات (Hallstatt) دېگەن يېزىدا تېپىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1846-يىلى 2000 دىن ئارتۇق قەبرە بار بولغان بىر چوڭ قەبرىستانلىق تېپىلغان. بۇنى ئالدىنقى ۋە كېيىنكى دەپ ئىككى مەزگىلگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئالدىنقى مەزگىل (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅶ ئەسىرگىچە) دىكى ئاسارئەتىقىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى برونزا قىلىچ ھەمدە تۆمۈر قىلىچتىن ئىبارەت بولۇپ، برونزا يەنىلا ھەربىي قورال-ياراق ۋە باشقا سايمان-جابدۇقلارنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن. كېيىنكى مەزگىل (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىرگىچە) نىڭ ئالاھىدىلىكى تۆمۈردىن ياسالغان خەنجەر بولۇپ، برونزا دەۋرىدىكى خەنجەرنىڭ شەكلىنى يەنىلا ساقلاپ قالغان. يەنە ئادەم ۋە ھايۋانات قاتارلىقلار چۈشۈرۈلگەن برونزا زىننەت بۇيۇملىرىمۇ بار.

خاللىستېنىزم

  • خاللىستېنىزم[يەشمىسى:] گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى يولغا قويغان تاشقى سىياسەت. 1955-يىلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى خاللىستېن (Walter Hallstein،1901 —) نىڭ تەكلىپى بويىچە تۈزۈلگەنلىكتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. فېدېراتىپ گېرمانىيە ھۆكۈمىتى پۈتكۈل گېرمانىيىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئېتىراپ قىلىنمايدۇ، دېموكراتىك گېرمانىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ھەرقانداق دۆلەت (سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنىڭ سىرتىدا) بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمايدۇ دەپ ئېلان قىلىنغان. 1969-يىلى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن «يېڭى شەرق سىياسىتى» نىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. «خاللىستېنىزم» ئەمەلىيەتتە توختىتىلغان.

خاللىقلار دۆلىتى

  • خاللىقلار دۆلىتى[يەشمىسى:] بۇ ناگۇر(Nagur) ياكى باتتاك (Battak) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. سۇماترا ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. بۇ دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ يۈزلىرىگە خەت چېكىۋېلىش ئادىتى بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. سىرىۋېجاياغا تەۋە بەگلىك ئىدى.پات-پات قوشنىسى سامۇندرا بىلەن ئۇرۇش قىلىپ تۇرغان، جۇڭگو بىلەن يېقىن ئالاقە قىلىپ،پات-پات ئەلچى ئەۋەتىپ، دوستانە مۇناسىۋەت قىلىپ كەلگەن. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ باشلىرى جۇڭگو مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن دېڭىز ساياھەتچىسى جىڭخې بۇ دۆلەتكە بارغان.

خامادا كوساكو

  • خامادا كوساكو[يەشمىسى:]1881 — 1938) ياپونىيە ئارخېئولوگى. ئەدەبىيات دوكتورى. ئوساكا شەھىرىدىن. توكيو ئىمپېرىيە داشۆسى تارىخشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1913-يىلى ياۋروپاغا بېرىپ ئوقۇغان. 1917-، 1937-يىللىرى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، كىيوتو ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ پروفېسسورى، مۇدىرى بولغان. بۇ داشۆدە ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئىشخانىسىنى تۇنجى قېتىم قۇرۇپ، ياپونىيىدىكى داشۆلەردە ئارخېئولوگىيە فاكۇلتېتىنى تەسىس قىلغۇچى بولغان. 1931-يىلى ئىمپېرىيە بىلىم يۇرتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ياپونىيە، چاۋشيەن ۋە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. كۆپلىگەن قىممەتلىك ئىلمىي تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىنى ئېلان قىلغان ھەمدە 1925-يىلى خارادا يوشتو قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە «شەرقىي ئاسىيا ئارخېئولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى»نى قۇرۇپ، ياپونىيىنىڭ ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتى ۋە قېزىشىدا مۇھىم تۆھپە قوشقان. «ئارخېئولوگىيە ھەققىدە»، «شەرقىي ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ تاڭ نۇرى»، «تيەنجىڭ دەۋرىدە ياۋروپاغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر خاتىرىسى»، «ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتى»، «ياپونىيە گۈزەل سەنئەت تارىخىغا دائىر تەتقىقات» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار.

خاماگۇچى ئوكاچى

  • خاماگۇچى ئوكاچى[يەشمىسى:]1870 — 1931) ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1929—1931). 1895-يىلى ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ سىياسىي كەسپىنى پۈتتۈرگەن. پوچتا ئالاقە ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋەزىرى، مالىيە ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋەزىرى بولغان. 1915-يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، 1924-يىلدىن ئېتىبارەن مالىيە ئىشلىرى ۋەزىرى، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان.1927-يىلى خەلق ئىشلىرى پارتىيىسىنىڭ لېدىرى بولغان. 1929-يىلى خەلق ئىشلىرى پارتىيىسى ئىچكى كابىنېتىنى تەشكىل قىلغان. ئىچكى جەھەتتە مالىيەنى قىسقارتىش ۋە سانائەتنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان، تاشقى جەھەتتە «دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى چەكلەش ۋە قىسقارتىش خەلقئارا شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىغا قارىتا «ماسلاشتۇرۇلغان دىپلوماتىيە» فاڭجېنىنى قوللانغان. 1930-يىل 11-ئاينىڭ 14-كۈنى توكيو ۋوگزالىدا ئوڭ قانات ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن يارىدار قىلىنغان. ئىككىنچى يىلى 8-ئاينىڭ 26 -كۈنى ئۆلگەن.

خاممارسكولد

  • خاممارسكولد[يەشمىسى:]1) جالمار خاممارسكولد(Hjalmar Hammarskjold ، 1862 — 1953) شۋېتسىيە باش ۋەزىرى(1914—1917). كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە شۋېتسىيىنىڭ بىتەرەپلىكىنى ساقلاپ قالغان. 1929—1947-يىللىرى نوبېل مۇكاپاتى فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1904 — 1946-يىللىرى ھايتى سوت كوللېگىيىسىنىڭ سودىيىسى بولغان. (2) داگ خاممارسكولد (Dag Hammarskjold، 1905—1961) شۋېتسىيىنىڭ سىياسىي-ئىقتىسادشۇناسى، ب د ت نىڭ باش كاتىپى (1905 — 1961). جالمار خاممارسكولدنىڭ ئوغلى. ئوپسالا ۋە ستوكھولم داشۆلىرىدە ئوقۇغان. 1936 — 1946-يىللىرى مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. 1941 — 1948-يىللىرى قوشۇمچە دۆلەت بانكىسىنىڭ باشقارما رەئىسى بولغان. 1951 — 1953-يىللىرى بەلگىسىز مىنىستىرلىك ۋەزىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەمدە شۋېتسىيىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان.1953-يىلى ب د ت نىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلانغان. 1955-يىلى جۇڭگونى زىيارەت قىلغان.1961-يىلى 9-ئايدا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كونگوغا (ھازىرقى زائىر) كېتىۋېتىپ زامبىيىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا كەلگەندە ئايروپىلاندىن چاتاق چىقىپ، قازاغا ئۇچرىغان. ئۆلگەندىن كېيىن، 1961-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەن.

خاممۇرابى

  • خاممۇرابى[يەشمىسى:]Hammurabi، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 1750) مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى قەدىمكى بابىلونىيە پادىشاھلىقىنىڭ 6-ئەۋلاد پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1792 — 1750). تەختتىكى مەزگىلىدە ھەربىي ۋە دىپلوماتىيە ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ئىسىن، ئۇرۇك، لارسا ۋە مارى قاتارلىق شەھەرلەرنى كەينى-كەينىدىن بويسۇندۇرۇپ، مېسوپوتامىيە ۋادىسىنى باشقىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرگەن ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەدلىيە، مەمۇرىي، ھەربىي ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىنى ئۆز قولىدا تۇتقان. ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن نارخاممۇرابى سۇغىرىش ئۆستىڭىنى قازدۇرغان. خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىق ۋە قۇلدارلار سىنىپىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، داڭلىق خاممۇرابى « قانۇنلىرى» نى ئېلان قىلغان. بۇ قانۇنلار شىناسمان يېزىق بىلەن قارا بازالت تاش تۈۋرۈككە (تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى 25.2 مېتر، ئۈستىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 65.1 مېتر، ئاستىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 90.1 مېتر) ئويۇلغان بولغاچقا، «تاش تۈۋرۈك قانۇنلىرى» دەپمۇ ئاتالغان. «خاممۇرابى قانۇنلىرى» تاش تۈۋرۈكى 1901-يىلى فرانسىيە ئارخېئولوگىيە ئەترىتى تەرىپىدىن ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قەدىمكى شەھەر سۇس (Susa) تا تېپىلغان بولۇپ، ھازىر پارىژدىكى لۇۋرى (Louvre) مۇزېيىدا ساقلانماقتا. تاش تۈۋرۈكنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا قۇياش تەڭرىسى شاماشنىڭ سەۋلىجانى بىلەن خاممۇرابىنىڭ قاپارتما سۈرىتى بار. «خاممۇرابى قانۇنلىرى» كىرىش، تېكىست، خاتىمىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. خاممۇرابى «ئادالەت تۇرغۇزۇش» ئۈچۈن بۇ قانۇنلارنى تۈزدۈم، ئۇ مەڭگۈ تۇرسۇن، كىمىكى ئۇنىڭغا قارشى چىقىدىكەن ياكى خىلاپلىق قىلىدىكەن، تەڭرىنىڭ قارغىشىغا قالغاي، دېگەن. تېكىستنى تەرتىپكە سېلىپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 282 ماددا بولۇپ، شىكايەت قىلىش رەسمىيىتى، ئوغرىلىقنى بىر تەرەپ قىلىش، يەرنى ئىجارىگە بېرىش-كىشى ياللاش، سودا-جازانىخورلۇق، قەرز بېرىش-قەرز ئېلىش، نىكاھ، مىراس ۋە قۇللارغا دائىر مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. «خاممۇرابى قانۇنلىرى» كىشىلىك تارىخىدىكى تۇنجى رەسمىي يېزىق شەكلىدە پۈتۈلگەن مۇكەممەل قانۇن ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ قەدىمكى بابىلون جەمئىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىش-تەتقىق قىلىشتىكى بىرىنچى قول ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خاممۇرابى قانۇنلىرى

  • خاممۇرابى قانۇنلىرى[يەشمىسى:] «خاممۇرابى»غا قارالسۇن.

خامىلتون

  • خامىلتون[يەشمىسى:]William Rowan Hamilton، 1805 — 1865) ئىرلاندىيىنىڭ ماتېماتىكى، فىزىكى ۋە ئاسترونومى. دوبلىندا تۇغۇلغان. كىچىكىدىن تارتىپلا ئاجايىپ ئۆتكۈر ۋە ئەقىللىق چوڭ بولغان. داشۆنى پۈتتۈرمەيلا دوبلىن داشۆسىنىڭ ئاسترونومىيە پروفېسسورى بولغان. ئانالىتىك مېخانىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. 1834-يىلى «خامىلتون قائىدىسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۈرلۈك دىنامىكا قانۇنلىرىنى ۋارىئاتسون ئۇسۇلى بويىچە پەرەز قىلىپ چىققان. كېڭەيتىلگەن كوئوردىنات بىلەن كېڭەيگەن ھەرىكەت مىقدارىنى مۇستەقىل مىقدار ئۆزگىرىش قىلىپ، دىنامىكا تەڭلىمىسى، يەنى «خامىلتون تەڭلىمىسى» نى بارلىققا كەلتۈرگەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئېنېرگىيە مىقدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان «خامىلتون فۇنكسىيىسى» نى ئىجاد قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرنىڭ كونۇسسىمان سۇنۇش ھادىسىسىنى چۈشەندۈرۈپ، ھازىرقى زامان ۋېكتور ئانالىز ئۇسۇلىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈنمۇ تۆھپە قوشقان.

خامىلكار باركا

  • خامىلكار باركا[يەشمىسى:]Hamilcar Barca ياكى Barscas، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 270 — 229 ياكى 228) كارفاگېننىڭ قوماندانى. باركا — چاقماق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بىرىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرى 264 — 261) دا كارفاگېن فلوتىغا قوماندانلىق قىلىپ، جەنۇبىي ئىتالىيە ۋە سىتسىلىيە ئارىلىدا رىم بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىچكى جەھەتتە ياللانما قوشۇنلارنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرغان (مىلادىدىن 238 يىل ئىلگىرى ). مىلادىدىن 237 يىل ئىلگىرى ئوغلى گاننىبالنى ئېلىپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلغان ۋە شۇ يەرنىڭ بايلىقى (كۈمۈش كېنى)دىن پايدىلىنىپ، ھەربىي كۈچ توپلاپ، رىم بىلەن ئېلىشىشقا تەييارلىق كۆرگەن. ئۆلگەندىن كېيىن، كۈيئوغلى خاسىدرۇبال ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان.

خانپەرەسلەر

  • خانپەرەسلەر[يەشمىسى:] «پاپاچىلار»غا قارالسۇن.

خان تەرەپدارلىرى

  • خان تەرەپدارلىرى[يەشمىسى:] ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى گۇرۇھلارنىڭ بىرى. 1931-يىلى ئۆكتەبر ۋەقەسىدىن كېيىن بارا-بارا شەكىللەنگەن. تاياماكۇبى، ئاراكى تېيئو قاتارلىقلار ئاساسلىق كىشىلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى كۆپىنچە تۆۋەن دەرىجىلىك «يېڭىلىق تەرەپدارلىرى» بولغان ياش ئوفىتسېرلاردىن ئىبارەت. ئۇلار «دۆلەت ئابرويىنى نۇرلاندۇرۇش»، «تېننو ھاكىمىيەت سوراش» نى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن خان تەرەپدارلىرى دەپ ئاتالغان. بۇ گۇرۇھ «بىۋاسىتە ھەرىكەت»، يەنى قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ھەربىي فاشىستىك ھاكىمىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق قانۇنىي ۋاسىتىگە تايىنىپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەربىي مۇستەبىتلىكنى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى بىرلىك تۈزۈمى تەرەپدارلىرى بىلەن قارشىلاشقانىدى. ئاراكى نېيئو ئاغرىق سەۋەبىدىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرلىك خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى (1934) ۋە تاياماكۇبې مائارىپ باش نازارەتچىلىكىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن (1935) بىرلىك تۈزۈمى تەرەپدارلىرى بارا-بارا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. ئايىزاۋا ۋەقەسى ۋە 26-فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن خان تەرەپدارلىرىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەن ياكى تازىلانغان. شۇنىڭ بىلەن، بىرلىك تۈزۈمى تەرەپدارلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى كونترول قىلىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.

خاندانلىق ئۆرنەكلىرى

  • خاندانلىق ئۆرنەكلىرى[يەشمىسى:] كىتاب نامى. چاۋشيەن لى سۇلالىسى خاندانلىقلىرىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى خاتىرىلەنگەن يىلنامە شەكلىدىكى تارىخ كىتاب. شىزۇڭ دەۋرانى (1418 — 1450) دىن باشلاپ خاندانلىق ئۆرنەكلىرى تۈزۈلگەن.1457-يىلى كىتابنى تۈزۈش مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلىنغان. كېيىنكى خاندانلىقلار تۈزۈشنى داۋاملاشتۇرغان. لوڭشىنىڭ ئىككىنچى يىلى (1908) غا كەلگەندە رەتلەپ 90 توم قىلىنغان. تارىخ كىتابنى تۈزگۈچى ئەمەلدارلار نامدا پاكىت بويىچە تارىخ يازىمىز دەپ، ئەمەلىيەتتە پادىشاھلارنى مەدھىيىلەپ، زۇلمەت جەمئىيەتنى بېزەپ كۆرسەتكەن. شۇڭا تارىخىي ماتېرىيال قىممىتى چوڭ ئەمەس.

خاندانلىق ئۆكتىچىلىرى

  • خاندانلىق ئۆكتىچىلىرى[يەشمىسى:]فرانسىيىنىڭ ئىيۇل خاندانلىقى مەزگىلىدىكى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئورلېئان مەزھىپىدىكىلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى گۇرۇھى. ھوقۇق تۇتمىغان سودا-سانائەت بۇرژۇئازىيىسى لىبېراللىرىنىڭ سىياسىي كۆز قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلار ئىنقىلابتىن ساقلىنىش ۋە ئورلېئان خاندانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىسلاھات غەرەزلىرىنى رەت قىلىدىغان ھوقۇق تۇتقان گۇرۇھتىكىلەرنىڭ ئەكسىچە، مۆتىدىل سايلام ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشنى، سايلام ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ گۇرۇھتىكىلەر ئىيۇل خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بارا-بارا جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. ئۇنىڭ رەھبىرى ئودىلون بارون زىياپەت ھەرىكىتىنى باشلىغۇچىلارنىڭ بىرى.

خان جەمەتى ئۆرنەكلىرى

  • خان جەمەتى ئۆرنەكلىرى[يەشمىسى:] ياپونىيە خان جەمەتى تۈزۈمىنىڭ ئاساسلىق قائىدە-نىزامى. 1889-يىلى 2-ئايدا تۈزۈلگەن. جەمئىي 12 بۆلۈم، 62 ماددا. ئاساسلىقى خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش، تەختكە چىقىش، قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن خانىكە، ۋەلىئەھد تەيىنلەش، ھۈرمەت نامى، نايىبلىق قىلىش، مىراخور، خان جەمەتى، مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش، خان جەمەتىنىڭ خىراجىتى، خان جەمەتىنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرى ھەمدە جازالاش، خان جەمەتىنىڭ يىغىنلىرى، قوشۇمچە قائىدە-تۈزۈملەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.1947-يىلى 1-ئايدا يېڭى خان جەمەتى ئۆرنەكلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزمۇنى خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش، خان جەمەتى يىغىنى قاتارلىق بەش بۆلۈم، 37 ماددا ۋە قوشۇمچە ئۈچ تۈردىن تەركىب تاپقان. كونا ئۆرنەك بىلەن ئوخشىمايدۇ. يېڭى ئۆرنەكتە خان جەمەتىنىڭ دائىرىسى كىچىكلىتىلگەن. خان جەمەتى يىغىنىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ھەمدە خان تەيىنلەيدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانىغا چەك قويۇلغان.

خانلىق قۇل

  • خانلىق قۇل[يەشمىسى:] ۋيېتنامدىكى چىن سۇلالىسى (1225 — 1400) نىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى بىر خىل قۇل-دېدەك. ئۇ چاغدا قۇل-دېدەكلەرنىڭ سانى كۆپ بولغان، خان جەمەتى قۇللىرىنىڭ يۈزىگە «خانلىق قۇل» دېگەن خەت چېكىلگەن، بۇنىڭ بىلەن ۋاڭ-گۇڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قۇل-دېدەكلىرىدىكى «خېنيى قۇل» دېگەن بەلگىدىن پەرقلەندۈرۈلگەن. ئۇلار ئۆي ئىشلىرىدىن باشقا، دېھقانچىلىق ئىشلىرىغىمۇ سېلىنغان، ئورنى تۆۋەن بولۇپ، ھۈرلەر بىلەن نىكاھلىنىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. قارشىلىق قىلغانلار ئۆلتۈرۈلگەن، قاچقانلارنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ بارماقلىرى كېسىلگەن ياكى پىلغا دەسسىتىشكە ئوخشاش جازالارغا تارتىلغان. بۇ ۋيېتنامدىكى فېئوداللىق جەمئىيەتتىكى ئېغىر ھالدىكى قۇللۇق تۈزۈم قالدۇقلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

خانلىق ھاكىمىيەت دەۋرى

  • خانلىق ھاكىمىيەت دەۋرى[يەشمىسى:] رىمدىكى ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى يىمىرىلگەن دەۋر. يەنى رىم مىلىتارىست دېموكراتىيە تۈزۈمىدىكى دەۋر، تەخمىنەن مىلادىدىن 754 يىل ئىلگىرى ياكى مىلادىدىن 753 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىن مىلادىدىن 510 يىل ئىلگىرى، ياكى مىلادىدىن 509 يىل ئىلگىرىكى يىللارغىچە كەينى-كەينىدىن يەتتە پادىشاھ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلىكتىن بۇ دەۋر شۇنداق ئاتالغان. ئەينى چاغدا ئاتا جەمەت ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتى جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي بىرلىكى بولۇشتىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قېرىنداشلىق جەمئىيىتىنى (يەنى چوڭ ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەت، كۇرىيان دېيىلىدۇ) تەشكىللەپ، ئاندىن يەنە قەبىلە (تىرىبۇن) لەرنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، جەمئىي ئۈچ يۈز ئۇرۇق، ئوتتۇز قېرىنداشلىق جەمەت، ئۈچ قەبىلە بولۇپ، رىم شەھەر كوممۇناسىنى شەكىللەندۈرگەن، بارلىق ئەزالىرى «رىم خەلقى» (Romanus Populus) نى تەشكىل قىلغان. ئاممىۋى ھوقۇقلۇق ئورگانلار ھەربىي باشلىق ياكى پادىشاھ (Rex)، ئاقساقاللار كېڭىشى (سىنات) ۋە كۇرىيانلار مەجلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئومۇمەن خانلىق ھاكىمىيەت دەۋرىنىڭ ئاخىرقى ئۈچ پادىشاھى ئېترۇرىيىلىك دەپ قارىلىدۇ. بۇ دەۋردە تۆمۈر قوراللار كەڭ ئىشلىتىلىپ، يەرلەرنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى شەكىللىنىشكە باشلاپ، ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى يىمىرىلىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. ئالتىنچى پادىشاھ سېرۋىئۇس تۇللىئوسنىڭ ئىسلاھاتى ئارقىلىق سىنىپىي جەمئىيەت شەكىللەنگەن. ئاخىرقى پادىشاھ تارقۇنيۇس سۇپېربۇسنىڭ ھەيدىلىشى بىلەن خانلىق ھاكىمىيەت دەۋرى ئاخىرلاشقان، ئارقىدىنلا رىم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.

خانلىق ھاكىمىيەتنى يولغا قويۇپ كونىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

  • خانلىق ھاكىمىيەتنى يولغا قويۇپ كونىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش[يەشمىسى:] ياپونىيە مىيجى ئىسلاھاتى دەۋرىدىكى توكۇگاۋا شوگناتلىقىنى يوقىتىپ، تېننو ھاكىمىيىتىنى تىكلەيدىغان زور سىياسىي ۋەقە. توكۇگاۋا يوشىنو بۇ ھاكىمىيەتنى قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن يەنىلا ھەربىي، سىياسىي ئەمەلىي ھوقۇقنى ئىگىلىۋالغان. شوگناتلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئۈزۈل-كېسىل ئاغدۇرۇۋېتىش ئۈچۈن ئوكۇبۇ توشمىچى، سائىگو تاكامورى، كىدو تاكايوشى قاتارلىق شوگناتلىقنى ئاغدۇرغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىلىرى بىلەن ئىۋاكۇرا تومومى قاتارلىق ئىسلاھاتچى ۋەزىرلەرنىڭ پىلانلىشى بىلەن، كىيۇتو ئوردىسىدا خانلىق ھاكىمىيەتنى يولغا قويۇپ، كونىلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىياسىي ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەن، 1868-يىلى 3-يانۋار(كېئويو 3-يىل 2-ئاينىڭ 9-كۈنى) سەھەردە سامۇ، ناگاسۇ، ئېچىزېن، ئەنيى، توسا ۋاسساللىقلىرىنىڭ ئەسكەرلىرى ئوردا دەرۋازىسىنى قامال قىلىۋالغان، رېفورمىچى شاھزادە، ۋەزىر ۋە ۋاسساللىق خوجىلىرى كەينى-كەينىدىن ئوردىغا كىرىپ تېننونى زىيارەت قىلىۋالغان «خانلىق ھاكىمىيەتنى يولغا قويۇپ كونىلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پەرمانى» جاكارلاشقا يول كۆرسەتكەن، ئاساسىي مەزمۇنى: يوشىنوبۇ نىڭ ھاكىمىيەتنى تاپشۇرۇشى ۋە سىياگونلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەستىقلاش؛ نايىبلىق كامپاكۇ ۋە شوگناتلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش؛ لېدىر، كېلىشتۈرگۈچىلەر، قاتناشقۇچىلاردىن ئىبارەت ئۈچ ۋەزىپىنى تەسىس قىلىشتىن ئىبارەت، شۇ كېچىسى يەنە ئوردىدا ئۈچ ۋەزىپىدىكىلەرنىڭ يىغىنىنى چاقىرىپ يوشىنوبۇ «ئەمىلىدىن ئىستېپا بېرىپ يەرلىرىنى تاپشۇرۇش» غا بۇيرۇق چىقىرىلغان. شۇنىڭ بىلەن توكۇگاۋا شوگناتلىقى ئۈزۈل-كېسىل گۇمران بولۇپ، رېفورمىچىلار ھۆكۈمىتى رەسمىي قۇرۇلغان.

خائۇسسىمانن

  • خائۇسسىمانن[يەشمىسى:]Georges Eugene Baron Haussmann،1809—1891)، فرانسىيە شەھەر مەمۇرىيىتىنىڭ ئەمەلدارى، ئىككىنچى ئىمپېرىيە دەۋرىدە پارىژنى كەڭ كۆلەمدە قايتىدىن قۇرۇشنىڭ ئاساسىي مەسئۇلى. ئەسلى قانۇن ئۆگەنگەن. 1831 — 1853-يىللاردا پارىژدا ۋە باشقا ئۆلكىلەردە مەمۇرىي خىزمەت ئۆتىگەن.1853-يىلى پارىژ شەھىرىنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلىنىپ، پارىژنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشقا مەسئۇل بولغان، 1870-يىلى ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلغان. 1877 — 1881-يىللاردا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۇنىڭ لايىھىلىشى بويىچە پارىژنىڭ كونا كۈچلىرى كېڭەيتىلىپ، يېڭى كوچىلار چىقىرىلىپ، دەرەخلىك چوڭ يول سىستېمىسى شەكىللەنگەن، نۇرغۇن مەركىزىي مەيدانلار بارلىققا كەلگەن ھەمدە پارىژ ئوپېرا تىياتىرى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى، مەركىزىي بازار قاتارلىق نۇرغۇن ئاممىۋى ئىمارەتلەر ۋە تۇرار جاي رايونى يېڭىدىن ياسالغان؛ سېنا دەرياسىدىكى قەدىمكى شەھەر ئارىلى مەمۇرىي ۋەزىپىنى مەركەز قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. شەھەر قاتنىشى ۋە جامائەت ئەسلىھەلىرى زامانىۋىلاشتۇرۇلۇپ، كوچا قورغانلىرىنى ياساش ئىمكانىيىتى تۈگىتىلگەن. يازغان ئەسلىمىسى بار.

خاۋارىجلار

  • خاۋارىجلار[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىدىكى بىر مەزھەپ. مىلادى 657-يىلى سىففىن سوقۇشىدا ئەلى بىلەن مۇئاۋىيەنىڭ مۇرەسسەگە كېلىشى بىرقىسىم ئەگەشكۈچىلەر (ئاساسلىقى ئىراقتىكى تامىم قەبىلىسىنىڭ ئەزالىرى) نىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇلار «قۇرئان» قازى بولسۇن دېگەنگە قارشى چىقىپ، ئەلى مەزھىپىدىن چىقىپ كەتكەن، شۇڭا «خاۋارىجلار» (ئەرەبچىدە Khawarij، چىقىپ كېتىش مەنىسىدە) دەپ ئاتىلىپ قالغان. مەزكۇر مەزھەپ ئىسلام دىنىدا ئىپتىدائىي دېموكراتىك تۈزۈمنى يولغا قويۇشنى، خەلىپىنىڭ سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىشىنى، بارلىق مۇسۇلمانلار، جۈملىدىن نېگىر قۇللارمۇ سايلانسا بولىدىغانلىقىنى، ئاددىي ئەسكەرلەر ئىچىدە يەر ۋە ئۇرۇش غەنىمەتلىرىنى تەڭ تەقسىم قىلىشنى، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى مۇسۇلمان دەپ ھېسابلىماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان. شۇڭا ئۇلار مىلىتارىست دېموكراتلار دەپمۇ ئاتالغان. 658-يىلى نەھرەۋان (Nahrawan، ھازىرقى ئىراق زېمىنىدا) دا بولغان جەڭدە ئەلى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان. 661-يىلى خاۋارىجلارنىڭ مۇرىتلىرى ئەلىنى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرگەن، مۇئاۋىيەنى يارىدار قىلغان. ئۇمەييە سۇلالىسى مەزگىللىرى ئىراق ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. لېكىن بۇ قوزغىلاڭلار خەلىپە تەرىپىدىن دەھشەتلىك باستۇرۇلغان، كېيىن ئىچكى نىزا تۈپەيلىدىن كۈچى ئاجىزلاپ بىرقانچە كىچىك مەزھەپكە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇلار ئاساسلىقى ئەزارىكا (Azarika) ۋە ئىبادىيە (Ibadiyah) لەردىن ئىبارەت.

خاۋسا پولىسى

  • خاۋسا پولىسى[يەشمىسى:] خاۋسالار (Hausa) بۈگۈنكى نېگىرىيىنىڭ شىمالى ۋە نېگىرىينىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قۇرغان بىر قاتار شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. ⅩⅠ ئەسىردىن ئىلگىرى ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئەڭ بالدۇرقىسى Ⅷ ئەسىردە قۇرۇلغان بولسا كېرەك. دەسلەپتە يەتتە پولىس، يەنى داۋرا (Daura)، كانو (Kano)، رانو(Rano)، كاچىنا (Katsina)، كوبىر(Cobir)، زارىيە (Zaria ياكى زاززو[Zazzau]) ۋە بىرام (Biram) بولۇپ، بىردەك «خاۋسا باكۋاي» (Hausa Bakwai) دەپ ئاتالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، داۋرا مۇشۇ يەتتە پولىسنىڭ ئانىسى ئىكەن. ھەرقايسى پولىسنىڭ ئۆزىگە خاس كەسپى بولغان. كېيىن يەنە يەتتە پولىس بارلىققا كەلگەن. بۇلار زامفارا (Zamfara)، يۇرى (Yauri)، گۋارى (Gwari)، نۇپې (Nupe)، كوروروفا (Kororofa)، يورۇبا (Yoruba) ۋە كېببى (Kebbi) دىن ئىبارەت. بۇلار غەيرىي رەسمىي پولىس دەپ قارالغان. ئىلگىرىكى يەتتە ئەنئەنىۋى پولىستىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن «بېمزا باكۋۇ» (Bemza Bakwai) دەپ ئاتالغان. ھەرقايسى پولىسلار سېپىللىق شەھەرنى مەركەز قىلغان، تۆت ئەتراپى دېھقانچىلىق رايونى بولغان. ⅩⅣ ئەسىردە ئىسلام دىنى تارقالغان. ھەرقايسى پولىسلار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇپ، ئۆزئارا ئۈستۈنلۈك تالاشقان. بەزىدە تارقاق ئىتتىپاق تۈزگەن. شۇڭا ئۇزۇن مەزگىل كۈچلۈك قوشنىسى سۇڭخەي پادىشاھلىقى ۋە بورنۇ پادىشاھلىقىغا بېقىنىپ كەلگەن. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوسمان دىن فودىئو فورىبلارغا رەھبەرلىك قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، خاۋسا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سوكودو پادىشاھلىقىنى قۇرغان.

خاۋسخوفېر

  • خاۋسخوفېر[يەشمىسى:]Karl Haushofer، 1869 —1946) گېرمانىيە سىياسىئونى. ميۇنخېندا تۇغۇلغان. ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە توپچىلار قىسمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيىنىڭ گېنېرال مايور دەرىجىلىك ئوفىتسېرى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ميۇنخېن داشۆسى جۇغراپىيە ئىلمى ۋە ھەربىي ئىلمى پروفېسسورى بولغان. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، جۇغراپىيە سىياسىي شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرلىقىغا ۋە گېرمانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. «جۇغراپىيە پولېتىكا ژۇرنىلى» نىڭ باش تەھرىرى بولغان. ئۇ ئەينى زاماندا گېرمانىيە مىلىتارىستلىرىنىڭ قىساسچىلىق تەمەسىنى ۋە تاجاۋۇزچىلىق قارا نىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، گېرمانىيە «ياشاش ماكانى» غا ئېھتىياجلىق دېگەننى تەرغىپ قىلغان، قولدىن كەتكەن يەرلەر ۋە مۇستەملىكىلەرنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ياۋروپا-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ يۈرىكى — دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئاچقۇچ دېگەن سەپسەتىگە قوشۇلۇپ، «چوڭ ماكان ئىگىلىكى» نەزەرىيىسىنى يەنى گېرمانىيە سانائەت «كارخانىلىرى» نىڭ رولىنى ئوينايدۇ، باشقا دۆلەتلەر بولسا «بۈيۈك گېرمانىيە» نىڭ خام ئەشيا ئىشلەپ چىقىرىدىغان جايى بولىدۇ، دەيدىغان نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ نەزەرىيە فاشىست گېرمانىيىنىڭ سىرتقا قارىتا تاجاۋۇز قىلىش ستراتېگىيىلىك ئىدىيىسىنىڭ بىر تەركىبى قىسمىغا ئايلانغان. «تىنچ ئوكيان جۇغراپىيىۋى پولېتكىسى»، «جۇغراپىيىۋى پولېتىكىنىڭ قائىدىسى، ماھىيىتى ۋە مەقسىتى»، «مۇداپىئە جۇغراپىيىۋى پولېتىكا» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

خاۋكىنس

  • خاۋكىنس[يەشمىسى:]John Hawkins، 1532 — 1595) ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سەردارى. 1562 — 1563-يىللىرى ئافرىقىدىكى گىۋىنىيىنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدىن بىرقانچە يۈز نېگىرنى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كارايىپ دېڭىزى رايونىغا ئاپىرىپ ساتقان. بۇ، ئەنگلىيىنىڭ قۇل سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشكەنلىكىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. 1564-ۋە 1567-يىللاردا يەنە قۇل سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان.1588-يىلى ئەنگلىيە ئىسپانىيىنىڭ «يېڭىلمەس فلوت» ىنى تارمار قىلغان دېڭىز جېڭىدە، ئەنگلىيە فلوتىدىكى ئاساسىي سەردارلارنىڭ بىرى بولغان.

خائىڭگىي ئارىلى ۋەقەسى

  • خائىڭگىي ئارىلى ۋەقەسى[يەشمىسى:] بىرمىنىڭ ئائۇڭزىيا خانلىقى دەۋرىدىكى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى تۇرۇش ۋەقەسى. خائىڭگىي ئارىلى (Hainggyi، يەنى ناگرېس ئارىلى) ئىرراۋاددى دەرياسىنىڭ ئېغىزىغا جايلاشقان.1753-يىلى ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ئىگىلىۋالغان. 1757-يىلى ئائۇڭزېيا شەرقىي ھىندىستان شىركىتى بىلەن سودا شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ بۇ ئارالدا ئولتۇراقلىشىشىغا رۇخسەت قىلغان ھەمدە ئەگەر بىرما چەت ئەل بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان تەقدىردە، ئەنگلىيە بىرمىغا ياردەم بېرىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن.1759-يىلى، ئارالدىكى ئەنگلىيىلىكلەر خانلىققا قارشى باش كۆتۈرۈپ چىققان مېڭلارغا قورال-ياراق سېتىپ بەرگەن، ئائۇڭزېيا بىلىپ قالغاندىن كېيىن ئارالغا ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ ماگىزىنلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئارالدىكى بەزى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى ئۆلتۈرگەن. كېيىن شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ئادەم ئەۋەتىپ ئارىلىشىپ، زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلغان. پادىشاھ نائۇڭداۋى (Naungdawgyi، 1760 — 1763) ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ پەقەت رانگون ۋە باسسېيىندىلا ماگىزىن ئېچىشىغا رۇخسەت قىلغان.

خاياشى راياما

  • خاياشى راياما[يەشمىسى:]1583 — 1657) ياپونىيە ئېدو دەۋرىنىڭ دەسلىپىدە ئۆتكەن جۇزىچى ئالىمى. كيوتودا تۇغۇلغان. ئىسمى نوبۇكاتسۇ، ياش ۋاقتىدا جيەنرېن ئىبادەتخانىسىنىڭ راھىبى بولغان. دارمالىق نامى دوشۇن، كېيىن فۇدزىۋارا شىنۋۇغا شاگىرت بولۇپ، چېڭ خاۋ-جۇشى ئېقىمىنى ھۈرمەتلىگەن.1605-يىلى (چېڭچاڭنىڭ 10-يىلى) توكۇگاۋا ئىزياسۇنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىپ، تۆت ئەۋلاد سىياگوننىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان، قائىدە-يوسۇن پەرمانلىرىنى تۈزۈپ، شوگناتنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا قاتناشقان ھەمدە جۇزى تەلىماتىنى ھۆكۈمەت ئىلمى قىلىپ، تەرىقەت دىنى بىلەن كۇڭزى تەلىماتىنى بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، بۇددا دىنى بىلەن خرىستىئان دىنىنى چەتكە قاققان. «ئۇلۇغ تەلىماتقا ئىزاھات»، «مۇھاكىمە ۋە بايانغا ئىزاھات»، «خاندانلىقىمىزنىڭ يىلنامىسى»،«راياما ئەسەرلىرى توپلىمى»قاتارلىق 100 نەچچە پارچە كىتاب يازغان.

خاياشى سېندىئۇرو

  • خاياشى سېندىئۇرو[يەشمىسى:]1876— 1943) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1937)، قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى. 1903-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1904—1905-يىللىرى ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1927-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1929-يىلى مۇھاپىزەتچىلەر دىۋىزىيىسىنىڭ كوماندىرى بولغان. 1930-يىلى چاۋشيەن ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. «18-سېنتەبر» ۋەقەسىدە، ئەسكەر چىقىرىپ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا تاجاۋۇز قىلىپ، كانتو ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سۇيىقەستىنى قوللىغان. 1932-يىلى مائارىپ باش نازارەتچىسى قوشۇمچە ھەربىي كېڭەش ئەمەلدارى بولغان. 1934-يىلى ئوكادا ئىچكى كابىنېتىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1935-يىلى مادزاكى دىنزا بورۇنىڭ مائارىپ باش نازارەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئارمىيە ئىچىدە گۇرۇھۋازلىق كۈرىشىنى كەسكىنلەشتۈرگەن.1936-يىلى «26-فېۋرال»ۋەقەسىدىن كېيىن، زاپاس ھەربىي قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. 1937-يىلى 2-ئايدا ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەن ھەمدە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ ۋەزىرلىكىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان، 6-ئايدا ئىستېپا بەرگەن. كېيىن ئىچكى كابىنېتنىڭ كېڭەش ئەزاسى، بۈيۈك ياپونىيە ئاسىيانى گۈللەندۈرۈش ئىتتىپاقىنىڭ لېدىرى بولغان.

خاياشى شىخېئى

  • خاياشى شىخېئى[يەشمىسى:]1738— 1793) ياپونىيە ئېدو دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى مۇتەپەككۇر. ئېدودا تۇغۇلغان.1775— 1782-يىللىرى ئۈچ قېتىم ناگاساكىغا بېرىپ ئوقۇپ، گوللاندلاردىن چارروسىيىنىڭ سىبىرىيىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن جەنۇبىي تەرەپتە چىدورى تاقىم ئاراللىرىنى تەمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، دېڭىز مۇداپىئەسىنىڭ مۇھىملىقىنى قاتتىق ھېس قىلغان. كېيىن ئېدودا گوللاندىيە ئىلمىي تەرەپدارلىرىدىن ئوتسۇكى گېن ساۋا، كاتسۇراگاۋا خاجىمې قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىپ، چەت ئەلنىڭ ئەھۋالى بىلەن پىششىق تونۇشقان. 1786-يىلى «ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي ئەھۋالى ئۈستىدە سۆھبەت» دېگەن 16 جىلدلىق ئەسەرنى يېزىپ، دېڭىز مۇداپىئەسى مۇئەسسەسەلىرىنى قۇرۇپ، چارروسىيىنىڭ جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىشىدىن مۇداپىئەلىنىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ 1791-يىلى بۇ ئەسەرنى ئۆز راسخوتى بىلەن نەشىر قىلدۇرغان. بۇ ئەسەر شوگنات ھۆكۈمىتىنى دەككە-دۈككىگە سېلىپ قويغاچقا، ئىككىنچى يىلى ئۇ نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنىپ، كىتابنىڭ ئويما مەتبەئەسى مۇسادىرە قىلىنغان. كۆپ ئۆتمەي دەرد-ئەلەم ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن.

خايدۇك ھەرىكىتى

  • خايدۇك ھەرىكىتى[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرى بۇلغارىيە خەلقىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوراللىق كۈرىشى. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بۇلغارىيە خەلقى تاغ ئارىسىدا تەشكىللىگەن قوراللىق قوشۇن خايدۇك (Xайдушк) دەپ ئاتالغان.بۇ قوشۇنغا دېھقانلار، سودىگەرلەر ۋە ھۈنەرۋەن-كاسىپلار قاتناشقان. خايدۇك تەرەپ-تەرەپكە بېرىپ ھەرىكەت قىلىپ، تۈركىيە فېئوداللىرىغا زەربە بېرىپ، خەلقنى قوغدىغان. مەشھۇر قوماندانلاردىن ستراخىل (Войводата Страхил)، كاراتاناس (Kapa Tahac) قاتارلىقلار ۋە ئايال قوماندان سىرما (Сирма)قاتارلىقلار رەھبەرلىك قىلغان. خەلق خايدۇكنى ئۆزلىرىنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ قارىغان. ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن بەزى خەلق ناخشىلىرىدا ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى مەدھىيىلەنگەن.

خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا

  • خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا[يەشمىسى:]Khadijah، تەخمىنەن 555 — 619) ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسچىسى، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ خوتۇنى. مەككىدىكى قۇرەيش قەبىلىسىدىكى ئابدۇل ئوززا( Uzzla -Abda) جەمەتىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ ئالدىنقى ئېرى بىر كاتتا سودىگەر ئىدى. ئالدىنقى ئېرى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ ئۆز ئالدىغا سودا بىلەن شۇغۇللانغان، كېيىن مۇھەممەدنى ياللاپ ئىشلەتكەن، 40 ياشقا كىرگەندە مۇھەممەد پەيغەمبەر بىلەن توي قىلغان. ئۇ مۇھەممەد پەيغەمبەر ياراتقان ئىسلام دىنىنىڭ تۇنجى ئېتىقادچىسى. مەككىدىكى قۇرەيش قەبىلىسىدىكى ئاقسۆڭەكلەر ۋە كاتتا سودىگەرلەر مۇھەممەد پەيغەمبەرگە زىيانكەشلىك قىلغان چاغدا ئۇنى قەتئىي قوللىغان. «مۆمىنلەر ئانىسى» دەپ نام ئالغان. مۇھەممەدتىن پاتىمە ئىسىملىك قىز تۇغقان، مەككىدە ۋاپات بولغان.

خەلقئارا ئاياللار بايرىمى

  • خەلقئارا ئاياللار بايرىمى[يەشمىسى:] 8-مارت بايرىمى، ئاياللار بايرىمى،8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دۇنيا ئەمگەكچى ئاياللىرىنىڭ تىنچلىق، دېموكراتىيە، ئاياللار ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى جەڭگىۋار بايرىمى.1909-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدىكى ئايال ئىشچىلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك سانائىتىدىكى ئىشچىلار داغدۇغىلىق ئىش تاشلاش ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش، سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ۋە سايلام ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى كەڭ ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ۋە ئاۋاز قوشۇشىغا ئىگە بولغان. 1910-يىلى 8-ئايدا، دانىيىنىڭ پايتەختى كوپىنھاگىندا چاقىرىلغان خەلقئارا سوتسىيالىزمچى ئاياللارنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىدا، بۇ قېتىمقى يىغىنغا رەھبەرلىك قىلغان گېرمانىيە ئىنقىلابچىسى كلارا سېتكىننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن قارار ماقۇللىنىپ، ھەر يىلى 8-مارت كۈنى دۇنيا ئاياللىرىنىڭ بايرام كۈنى قىلىپ بەلگىلەنگەن. جۇڭگو ئاياللىرى جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە 1922-يىلدىن باشلاپ «8-مارت بايرىمى» نى خاتىرىلىگەن. 1924-يىلى گۇاڭجۇدا بىرىنچى قېتىم ئاممىۋى خاراكتېرلىك «8-مارت» نى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. ئازادلىقتىن كېيىن، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى جېڭۋۇيۇەنى 1949-يىلى 12-ئايدا، 8-مارتنى ئاياللار بايرىمى قىلىپ بەلگىلىگەن.

خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى

  • خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى[يەشمىسى:] قىسقارتىلىپ «1-ماي بايرىمى»، «ئەمگەكچىلەر بايرىمى» دەپ ئاتىلىدۇ. پۈتۈن دۇنيا پرولېتارىياتى ۋە ئەمگەكچى خەلقلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان بايرىمى.1866-يىلى، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ جەنۋە قۇرۇلتىيى قانۇن چىقىرىش رەسمىيىتى ئارقىلىق ئىش كۈنىنى 8 سائەت قىلىپ چەكلەش توغرىسىدا قارار ماقۇللىغان.1886-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ چىكاگو قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى 350 مىڭ ئىشچى ئىش تاشلاپ ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلاشنى، 8 سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. ئىشچىلار ئەكسىيەتچى ئارمىيە ۋە ساقچىلار بىلەن ئېلىشىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئىشچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئاخىرى 8 سائەتلىك ئىش تۈزۈمى ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئامېرىكا ئىشچىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى خاتىرىلەش، ئامېرىكا ئىشچىلار بىرلەشمىسى ئالدىنئالا بەلگىلىگەن 1890-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشنى قوللاش ئۈچۈن، 1889-يىلى 7-ئايدا پارىژدا چاقىرىلغان ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ئىككىنچى يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ھەرقايسى ئەللەردە ئىشچىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىشىنى ئۇيۇشتۇرۇشنى قارار قىلغان ھەمدە بۇ كۈننى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى قىلىپ بەلگىلەپ، «پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى بىرلىشىش» تىن ئىبارەت ئۇلۇغ كۈچنى نامايان قىلغان.1890-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئىشچىلار تارىختا تۇنجى ئاممىۋى خاراكتېردىكى «1-ماي»چوڭ نامايىشىنى ئۆتكۈزگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، پۈتۈن دۇنيا ئەمگەكچى خەلقلىرى ھەر يىلى بۇ كۈندە ئۆزىنىڭ بايرام كۈنىنى خاتىرىلىگەن. 1920-يىلى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپى بىرىنچى قېتىم خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلىگەن. ئازادلىقتىن كېيىن، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى سىياسىي ئىشلار كېڭىشى 1949-يىلى 12-ئايدا، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىنى ئەمگەكچىلەر بايرىمى قىلىپ بەلگىلىگەن.

خەلقئارا كالوننا

  • خەلقئارا كالوننا[يەشمىسى:] 1936 — 1939-يىللىرىدىكى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە تەرەققىيپەرۋەر زاتلار ئىسپانىيە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىپ توپىلاڭچى ئارمىيىگە ۋە گېرمانىيە مۇداخىلىچى ئارمىيىسىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەشكىللىگەن پىدائىيلار قوشۇنى. 1936-يىلى 10-ئايدا ئىسپانىيىدە رەسمىي ئۇرۇشقا قاتناشقان. ئەزالىرى 54 دۆلەتتىن كەلگەن.1937-يىلى بەش كالونناغا بۆلۈنگەن. 11-كالوننا ئاساسەن گېرمانىيە سەرگەردانلىرىدىن تەشكىل تاپقان. 12-(گارىبالدى) كالوننا ئاساسەن ئىتالىيانلاردىن تەشكىل تاپقان. 13-كالوننا ئاساسەن پولەكلەردىن تەشكىل تاپقان. 14-كالوننا ئاساسەن فرانسۇز ۋە بېلگىيىلىكلەردىن تەشكىل تاپقان. 15-كالوننا ئاساسەن ئامېرىكا ۋە كانادالىقلار (بېتيۇنمۇ قاتناشقان) دىن تەشكىل تاپقان. كالوننا ئەڭ زورايغان چاغدا ئادىمى 20000 كىشىگە يېقىنلاشقان. ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا بىتەرەپ تۇرۇش، ئارىلاشماسلىق نامى بىلەن گېرمانىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرىنىڭ مۇداخىلە قىلىشىغا يول قويغانلىقتىن، جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇۋېتىلگەن، خەلقئارا كالوننا 1938-يىلى 9-ئايدا ئىسپانىيىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان.

خەلقئارا ئىتتىپاق

  • خەلقئارا ئىتتىپاق[يەشمىسى:] بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان خەلقئارا تەشكىلات. پارىژ سۈلھ كېڭىشىدە ماقۇللانغان «خەلقئارا ئىتتىپاق شەرتنامىسى» گە ئاساسەن، 1920-يىلى 1-ئايدا قۇرۇلغان. ئاساسلىق ئورگانلىرىدىن: (ئەزا دۆلەتلەر) يىغىنى، مەمۇرىي مەھكىمە، كاتىبات باشقارمىسى، قوشۇمچە تەسىس قىلىنغان خەلقئارا سوت، خەلقئارا مېھنەتكەشلەر ئىدارىسى قاتارلىقلار بار. باش ئورگىنى جەنۋەدە تەسىس قىلىنغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قاتناشقان دۆلەتلەر 63 كە يەتكەن. ئامېرىكا ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئۇ ئەنگلىيە، فرانسىيە بىلەن رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىپ مەغلۇپ بولغاچقا ئىتتىپاققا قاتناشمىغان. ياپونىيە بىلەن گېرمانىيە 1933-يىلى ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىققان، ئىتالىيە 1937-يىلى چېكىنىپ چىققان. سوۋېت ئىتتىپاقى 1934-يىلى ئىتتىپاققا قاتناشقان، 1939-يىلى چىقىرىۋېتىلگەن. خەلقئارا ئىتتىپاق «خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش» نى كۆز-كۆز قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق كاپىتالىستىك چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ۋېرسال-ۋاشىنگتون سىستېمىسىنى قوغداش، دۇنياغا خوجا بولۇش ھوقۇقىنى تالىشىشنىڭ قورالى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، «خەلقئارا ئىتتىپاق» نىڭ نامىلا قېپقالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، 1946-يىلى 4-ئايدا تارقىتىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ بارلىق مال-مۈلكى ۋە ئارخىپلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتى

  • خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتى[يەشمىسى:] يەنى «بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال».

خەلق ئاساسىي نىزامى

  • خەلق ئاساسىي نىزامى[يەشمىسى:] ئەنگلىيە ئاساسىي نىزامى ھەرىكىتىدىكى پروگراممىلىق ھۈججەت. 1837-يىلى 6-ئايدا، ياغاچچى ۋېليام لوۋېتنىڭ (William lowett 1800 — 1877) رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان «لوندون ئىشچىلار جەمئىيىتى» كوللېكتىپ تۈزگەن. دۆلەت مەجلىسىنىڭ ۋە ئاممىۋى يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇشقا ئوڭايلىق بولسۇن ئۈچۈن، قانۇن لايىھىسى شەكلىدە تۈزۈلگەن. كېيىن تەپسىلىي پرىنسىپلىرى تۈزۈلۈپ، ئىككىنچى يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى «خەلق ئاساسىي نىزامى» دېگەن نامدا ئېلان قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى رادىكال تەشكىلاتلارغا تارقىتىلغان ھەمدە ھەرقايسى جايلاردىكى ئاممىۋى يىغىنلاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدا سىياسىي تۈزۈمنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش ھەققىدە مۇنۇ ئالتە تۈرلۈك تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان: (1) قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ئومۇمىي سايلام ھوقۇقى؛ (2) پارلامېنتنى ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ سايلاش؛ (3) پارلامېنت ئەزالىرىنى يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش يولى بىلەن سايلاش؛ (4) پارلامېنت ئەزالىرى نامزاتىنىڭ مال-مۈلۈك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش؛ (5) پارلامېنت ئەزالىرىغا مائاش بېرىش؛ (6) پۈتۈن مەملىكەتنى باراۋەر ئاساسىدىكى سايلام رايونلىرىغا ئايرىپ، ۋەكىللەرنى سايلىغۇچىلارنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بويىچە بارلىققا كەلتۈرۈش. ئاساسىي نىزامدا پرولېتارىياتنىڭ سىياسىي تەلىپى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بىراق ئەنگلىيىنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىدا بۇنى يولغا قويۇشقا مۇمكىن بولمىغان.

خەلق ئەھدىنامىسى

  • خەلق ئەھدىنامىسى[يەشمىسى:] ⅩⅦ ئەسىردە ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىكى يېڭى نەمۇنىچى ئارمىيىنىڭ ئەسكەرلىرى تۈزۈپ چىققان باراۋەرچىلەرنىڭ سىياسىي نۇقتىئىنەزەرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھۈججەت. ئەھدىنامىدە پارلامېنت ۋەكىلىنىڭ سانىنى نوپۇسىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش؛ پارلامېنتتا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، دىنىي ئەركىنلىكنى يولغا قويۇش، قانۇن جەھەتتە ھەممە كىشى باراۋەر بولۇش ۋە مەجبۇرىي ئەسكەر ئېلىشنى بىكار قىلىش تەلەپ قىلىنغان ھەمدە پادىشاھلىق تۈزۈمىنى يوقىتىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇش تەشەببۇس قىلىنغان، بۇ ئوفىتسېرلارنىڭ «ئارمىيىنىڭ تەكلىپ لايىھىسى» دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىئىنەزەرى بىلەن قارىمۇ قارشى ئىدى. 1649-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭى نۇسخا ئېلان قىلىنىپ مالاي ۋە ئاساسلىق پادىشاھپەرەسلەردىن باشقا يېشى 21 گە تولغانلىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى سايلام ھوقۇقىغا ئىگە دەپ بەلگىلەنگەن. ئىقتىسادىي جەھەتتە، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى قوغداش ۋە تاپاۋەت بېجىنى مال-مۈلكىگە قاراپ ئېلىشنى يولغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان. بۇ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشكەن، بىراق باراۋەرچىلەر قوزغىلىڭى باستۇرۇلغانلىقتىن ئەمەلگەن ئاشمىغان.

خەلق پارتىيىسى

  • خەلق پارتىيىسى[يەشمىسى:]1) مىللىي پارتىيە دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. سىيامدىكى (ھازىرقى تايلاند) مىللىي بۇرژۇئازىيە قۇرغان تۇنجى پارتىيە. ياۋروپادا ئوقۇغان ياكى ياۋروپا دېموكراتىك نەزەرىيىسىنى قوبۇل قىلغان بىر تۈركۈم ياش رادىكاللار 1928-يىلى (1925-يىلى دېگەنلەرمۇ بار) قۇرغان. پرىدى پانوميۇڭ (Pridi phanomyong، 1900 —1983) مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەھبىرى. 1932-يىل 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، پادىشاھ راما Ⅶ نى پادىشاھلىق مۇستەبىتلىكتىن ۋاز كېچىشكە، ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىرلا پارتىيە دىكاتۇرىسىنى يۈرگۈزىدىغان يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان. كېيىن ئىككى مەزھەپ بولۇپ بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكتىن كۈچى ئاجىزلىشىپ كەتكەن. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە شۆبە قۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئاساسنى كېڭەيتمەكچى بولغان بولسىمۇ، مەقسىتىگە يېتەلمىگەن.1933-يىلى، راما Ⅶ بارلىق پارتىيىلەرنى تارقىتىۋېتىشنى جاكارلىغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەن. (2) يەنى «پۇقرالار پارتىيىسى».

خەلق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى

  • خەلق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى[يەشمىسى:] ئامېرىكىدىكى جېكسون زۇڭتۇڭغا قارشى سىياسىي گۇرۇھ.1828-يىلدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتى ۋاقتىدا سودا-سانائەت بۇرژۇئازىيىسى بۇ گۇرۇھنى تەشكىل قىلىپ، سابىق زۇڭتۇڭ جون كۋىنس ئادامىسنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بولۇشنى قوللىغان. چېگرا بېجىنى ئۆستۈرۈش، پۇل ئامانەت تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن سايلام رىقابىتىدە يېڭىلگەن. 1834-يىلى بۇ پارتىيە بىلەن باشقا تەشكىلاتلار بىرلىشىپ خويگ پارتىيىسىنى قۇرغان.

خەلق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى

  • خەلق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى[يەشمىسى:] فرانسىيىدىكى ئوڭ قانات پارتىيە. 1944-يىل 11-ئاينىڭ 26-كۈنى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئاساسىدا قۇرۇلغان. كاتولىك مۇخلىسلىرى ۋە مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى بەزى كاتولىك دىنىي تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، ئامېرىكاپەرەس مالىيە گۇرۇھلىرى بىلەن ئالاقىسى بار. ئۇنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى پېدۇر، موررس، شۇمان ۋە فلىنمۇران قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەسلىدە پارلامېنت ئىچىدىكى چوڭ پارتىيە بولۇپ، كۆپ قېتىم ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەن. 50-يىللاردىن كېيىن، سىنىپىي كۈرەش كەسكىنلىشىپ، ئىككى قۇتۇپقا ئوچۇق-ئاشكارا بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكتىن، ۋەزىيەتنى ئوڭشىيالماي، كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاشقان.1965-يىلى 10-ئايدا باشقا پارتىيە-گۇرۇھلار بىلەن بىرلىشىپ زۇڭتۇڭلۇق سايلام رىقابىتىگە قاتناشقان، كېيىن ئىككىنچى يىلى 2-ئايدا يەنە «دېموكراتىيە مەركىزى» گە قاتناشقان. لېكىن 1967-، 1968-يىللاردىكى پارلامېنت سايلىمىنىڭ ھەممىسىدە قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان، ھازىر خۇددى بىر سىياسىي كۇلۇپتەك بولۇپ قېلىپ، فرانسىيىدە تەسىرى قالمىدى.

خەلق رادىكاللار ئىتتىپاقى

  • خەلق رادىكاللار ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] گرېتسىيىدىكى پارتىيە.1956-يىلى 1-ئايدا قۇرۇلغان، تەكتى گرېتسىيە خەلق ئىتتىپاقى. چوڭ پومېشچىك، چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. رەئىسى كارامانلىس (Konstantinos Karamanlis، 1907 —). 1956-، 1958-ۋە 1961-يىللىرى ئۈچ قېتىملىق سايلامدا غەلىبە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 1963-يىلى 11-ئايدىكى پارلامېنت سايلىمىدا پارلامېنتتىكى ئورنى تېز ئازىيىپ كەتكەن ھەم پادىشاھ بىلەن سۈركىلىش پەيدا بولۇپ، كارامانلىس چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن. ئىتتىپاققا كانېللوپولوس (Panayiotis Kanellopoulos) رەھبەرلىك قىلغان. 1967-يىلى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە، ئىتتىپاق تارقىتىۋېتىلگەن. ئىتتىپاق ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە سىپرۇس مەسىلىسىدە ئەپلىشىپ قېلىشنى، تۈركىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى تەشەببۇس قىلغان، ئىچكى جەھەتتە پۇلنىڭ پاخاللىشىشىنى چەكلەش ۋە ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچ چىقارغان.

خەلق سوتسىيالىزمى پارتىيىسى

  • خەلق سوتسىيالىزمى پارتىيىسى[يەشمىسى:] يەنى «دۆلەت سوتسىيالىزمى پارتىيىسى».

خەلق كونگرېسى پارتىيىسى

  • خەلق كونگرېسى پارتىيىسى[يەشمىسى:] گانا مىللەتچىلەر پارتىيىسى. 1949-يىلى 6-ئايدا ئىنكرۇمانىڭ (Inkruma) رەھبەرلىكىدە قۇرۇلۇپ، «ئاپتونومىيىنى تېزدىن يولغا قويۇش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 1950-يىلدىكى ئومۇمىي ئىش تاشلاش ۋە ئەنگلىيىنىڭ ماللىرىنى چەكلەش ھەرىكىتىنى قوزغىغان، 1951-يىلى سايلامدا يېڭىپ چىقىپ، ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن. 1957-يىلى گانا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىگە ئايلانغان. 1964-يىلى مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر قانۇنلۇق پارتىيە بولۇپ قالغان. 1966-يىلى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلغان، مەزكۇر پارتىيە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

خەلق گېزىتى تەرەپدارلىرى

  • خەلق گېزىتى تەرەپدارلىرى[يەشمىسى:] ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى فرانسىيە جۇمھۇرىيەتچىلىرىنىڭ بىر گۇرۇھى. «خەلق گېزىتى» 1830 — 1851-يىللىرى پارىژدا نەشىر قىلىنغان كۈندىلىك گېزىت. بۇ گېزىت ئەتراپىدا مۇھەررىر مارراست (Armand Marrast، 1801 — 1852) باشچىلىقىدىكى مۆتىدىل جۇمھۇرىيەتچىلەر گۇرۇھى شەكىللەنگەن. بۇ گۇرۇھتىكىلەر ئۈچ خىل رەڭلىك بايراقنى ئۆزىنىڭ تۇغى قىلغاچقا، ئۈچ رەڭلىك بايراقلىق جۇمھۇرىيەتچىلەر دەپمۇ ئاتالغان. ئۇلار سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، قوغدىنىش چېگرا بېجى سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، سايلام ئىسلاھاتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 1848-يىلى فېۋرال ئىنقىلابى ۋاقتىدا، بۇ گۇرۇھتىكى مارراست، لامارتىن قاتارلىق يەتتە كىشى 11 كىشىلىك ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قاتناشقان. لۇئى بوناپارت ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە، ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدىن سىقىپ چىقىرىلغان. 1851-يىلى 2-دېكابردىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، «خەلق گېزىتى» مۇ نەشىر قىلىنىشتىن توختىلغان.

خەلق لىبېرالىستلار پارتىيىسى

  • خەلق لىبېرالىستلار پارتىيىسى[يەشمىسى:]يەنى «ئاساسىي قانۇنچى دېموكراتلار پارتىيسى».

خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى

  • خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى[يەشمىسى:] ⅩⅩئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىن 60-يىللىرىغىچە ئامېرىكىدا كۆتۈرۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئاممىۋى ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. مەشھۇر ۋەكىلى پوپ مارتىن لۇتېركىن (Martinlutherking). ھەرىكەتنى دەسلەپتە مەملىكەتلىك رەڭلىك ئىرقلارنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، ئىرقىي باراۋەرلىك قۇرۇلتىيى، شەھەر بىرلەشمىسى، جەنۇب خرىستىئان دىنىي داھىيلار جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار قوزغاپ، ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى بىكار قىلىپ، ئىرقىي باراۋەرلىك ھەرىكىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. غەيرىي زورلۇق كۈچ شەكلىنى قوللىنىپ، جەنۇبتىن بارا-بارا راۋاجلىنىپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك ھەرىكەتكە ئايلانغان.بىرمۇنچە ئاق تەنلىكلەرمۇ قاتناشقان. 1968-يىلى مارتىن لۇتېركىن نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشقا ھازىرلىنىۋاتقاندا، مېمۇستا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ھەرىكەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بەزى خەلق ھوقۇقى قانۇنلىرىنى تۈزۈپ، رەڭگى، ئىرق، دىن، تۇغۇلغان جايىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئارقىسىدا كەمسىتىلىشكە ئۇچراشنى مەنئى قىلىشقا مەجبۇر قىلغان.

خەلق ۋە دۆلەتنى قوغداش پەرمانى

  • خەلق ۋە دۆلەتنى قوغداش پەرمانى[يەشمىسى:] فاشىست گېرمانىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنقىلابىي كۈچلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن چىقارغان جىددىي ئامانلىق ساقلاش پەرمانى. رېخىستاگقا ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 1933-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى زۇڭتۇڭ ھېندىنبۇرگ تەرىپىدىن ئىمزا قويۇلۇپ تارقىتىلغان. پەرماندا «ۋېيمار ئاساسىي قانۇنى» دىكى جىسمانىي ئەركىنلىك، ئاخبارات ئەركىنلىكى، يىغىن ئۆتكۈزۈش، جەمئىيەتلەرگە ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكى، سۆز ۋە خەت-ئالاقە ئەركىنلىكى قاتارلىقلارنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت بەلگىلىمىلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. يەنە ئىلگىرى ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى، ئوت قويۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگۈچىلەرگە بېرىلىدىغان مۇددەتسىز قاماق جازاسى ئۆلۈم جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن. مۇشۇنىڭغا ئاساسلىنىپ، گىتلېر ھۆكۈمىتى كوممۇنىستلار بىلەن ئىلغار زاتلارغا ھەدەپ زىيانكەشلىك قىلغان. مەزكۇر پەرمان 12 يىل داۋاملىشىپ، فاشىستلارنىڭ تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاساسلىق دەلىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

خەلق ئىرادىسى پارتىيىسى

  • خەلق ئىرادىسى پارتىيىسى[يەشمىسى:]روسىيە نارودنىكلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى. 1879-يىلى كۈزدە پېتربۇرگدا قۇرۇلغان.ژېليابوۋ (Желябов.N.A، 1851—1881)، پېروۋسكايا (Перовская.Л.C، 1853 — 1881) ۋە فىگنېر (Фигнер.H.A، 1852 — 1942) باشچىلىقىدىكى ئىجرائىي كومىتېت رەھبەرلىك قىلغان.كۆپلىگەن شەھەرلەردە شۆبىسى قۇرۇلغان. ئۇلار شەخس تېررورلۇقنى چار پادىشاھ مۇستەبىت تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئاساسىي كۈرەش ۋاسىتىسى قىلغان. 1881-يىلى 3-ئايدا ئالېكساندر Ⅱ نى ئۆلتۈرگەن. ئىنقىلابىي ئاممىۋى ھەرىكەتتىن ئايرىلىش ۋە ئىچكى بۆلۈنۈش سەۋەبىدىن، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ناھايىتى تېزلىك بىلەن بىتچىت قىلىۋېتىلگەن. «نارودنىكلار» غا قارالسۇن.

خەلق ئىشلىرى پارتىيسى

  • خەلق ئىشلىرى پارتىيسى[يەشمىسى:] يەنى «ئاساسىي قانۇنچى خەلق ئىشلىرى پارتىيىسى».

خەندەك غازىتى

  • خەندەك غازىتى[يەشمىسى:] شەھەرنى مۇھاسىرە قىلىش ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى تارىخىدىكى بىر قېتىملىق جەڭ. مىلادى 627-يىلى مەككىدىكى قۇرەيش ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنىڭ باشلىقى ئەبۇسۇفيان مۇھەممەدكە ۋە ئىسلام دىنىغا قارشى كۈچلەردىن تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئوشۇق كىشى بىلەن بىرلىشىپ، مەدىنە شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلغان. مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان پارىس سەلماننىڭ تەكلىپى بويىچە شەھەر ئەتراپىدا خەندەك قېزىپ شەھەرنى مۇداپىئە قىلغان. مەككە بىرلەشمە قوشۇنى شەھەرنى تەخمىنەن 20 كۈن مۇھاسىرە قىلىپ، ئىچكى قىسىمدا زىددىيەت تۇغۇلغانلىقى ۋە ئاشلىق يېتىشمىگەنلىكى ئۈچۈن قورشاۋىنى ئېلىپ تاشلاشقا مەجبۇر بولغان.

خەنجەر رىۋايىتى

  • خەنجەر رىۋايىتى[يەشمىسى:] بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، گېرمانىيە مىللەتچى ئۇنسۇرلىرى تارقاتقان بىر خىل رىۋايەت.1918-يىلى 11-ئايدا، ئەنگلىيە گېنېرالى مالكولم ( Malcolm.N.S) لۇدېندۇرف بىلەن پاراڭلىشىپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ: «سىز ئۆزۈڭلەرنى كەينىڭلەردىن خەنجەر يېگەن دەپ قارىمامسىز؟» دەپ سورىغان. شۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيىدىكى ھەرقايسى مۇتەئەسسىپ پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە مىلىتارىستلارنىڭ ھەممىسى شۇ گەپكە قوشۇلغان ھەمدە بۇ گەپنى ھەدەپ كۆپتۈرۈپ، گېرمانىيىنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەب سوتسىيالىزمچىلار ۋە تىنچلىقپەرەسلەرنىڭ 1914-يىلىدىن باشلاپ يوشۇرۇن بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، بولۇپمۇ 1918-يىلىدىكى نويابر ئىنقىلابى پارتلىغانلىقتىن، گېرمانىيە غەلىبە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان، دەپ قارىغان. بۇ سەپسەتە گېرمانىيە ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئىنقىلابچىلارغا ۋە تەرەققىيپەرۋەر كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالغان.

خەنجەرۋاز رىتسارلار پولكى

  • خەنجەرۋاز رىتسارلار پولكى[يەشمىسى:] گېرمانىيىنىڭ دىنىي خاراكتېردىكى فېئوداللىق ھەربىي تەشكىلاتى بولۇپ، 1202-يىلى رىم پاپاسى ئىننوسېن Ⅲ نىڭ قوللىشى ئارقىلىق قۇرۇلغان. رىتسارلارنىڭ ئاق رەڭلىك پىلاشلىرىنىڭ ئۈستىگە قىزىل رەڭلىك قىلىچ ۋە كرىست بەلگىسى سىزىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى خرىستىئان دىنىنى تارقىتىش نامى بىلەن بالتىق دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى لىۋۇنىيە رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ يەرلەرنى بېسىۋالغان، يەرلىك خەلقنى قۇل قىلغان. 1234-يىلى نوۋگورود ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1236-يىلى سائۇلې (Сауле ياكى Шяуляй، يەنى ھازىرقى لىتۋا تەۋەسىدە) جېڭىدە لىتۋالىقلار تەرىپىدىن يەنە مەغلۇپ قىلىنغان. 1237-يىلى قالدۇق قىسىملىرى تېۇتون رىتسارلىرىغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، لىۋۇنىيە رىتسارلار پولكى دەپ ئاتالغان.

خەنزۇشۇناسلىق

  • خەنزۇشۇناسلىق[يەشمىسى:] «يەنى جۇڭگوشۇناسلىق».

خەلىپە

  • خەلىپە[يەشمىسى:] ئەرەبچىدىكى Khalifah نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ،«ۋارىس»، «ۋەكىل» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ نامى. مىلادى 632-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ۋارىسلىققا سايلانغان ئەبۇ بەكرى Khalifat Rasul Allah. يەنى ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ ۋارىسى، قىسقارتىلىپ خەلىپە دەپ ئاتالغان. ئەبۇ بەكرى ھەمدە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلىلەر تارىختا «تۆت چوڭ خەلىپە» دەپ ئاتالغان. 661-يىلى مۇئاۋىيە خەلىپىلىكىگە تەيىنلىنىپ ئۇمەييە سۇلالىسىنى قۇرغاندىن كېيىن خەلىپە يەنى ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس قىلىشقا ئايلىنىپ قالغان. كېيىن ئەرەب ئىمپېرىيىسى پارچىلىنىپ كېتىپ، بەزى جايلاردىكى سۇلالىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرىمۇ بۇ نامنى قوللانغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى سىياسىي ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ پەقەت دىنىي داھىيلىق ئورنىلا ساقلىنىپ قالغان. 1258-يىلى ئابباسىيلار سۇلالىسى يوقالغاندىن كېيىن مىسىر مەملۇكلەر سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى ئابباسىيلار جەمەتىنىڭ ئەۋلادىنى خەلىپە قىلىپ تىكلىگەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە قورچاققا ئايلىنىپ قالغان. 1517-يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسى مىسىرنى بويسۇندۇرۇپ، خەلىپىنى تۇتۇپ كەتكەن. كېيىن تۈركىيە سۇلتانى خەلىپىلىكىنى قوشۇمچە ئۆتەپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئالىي داھىيسىغا ئايلانغان. 1924-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن خەلىپىلىكنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

خەلىپە ھەرىكىتى

  • خەلىپە ھەرىكىتى[يەشمىسى:] ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ھەرىكىتى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەنگلىيە قاتارلىق ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيىنى بۆلۈشۈۋېلىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ رەھبىرى خەلىپىنى (تۈركىيىدە سۇلتاننى) قوغداش شوئارى ئاساسىدا قوزغالغان. 1919-يىلىنىڭ ئاخىرى خەلىپە كومىتېتى قۇرۇلغان. ئۇنىڭغا ھىندىستان خەلق كونگىرېسى پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىدىن ئاكا-ئۇكا مۇھەممەد ئەلى ۋە شەۋكەت ئەلىلەر رەھبەرلىك قىلغان، بۇ ھەرىكەتكە ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەرتەبىقە ئاممىسى قاتناشقان. 1919-يىلى ئەنگلىيە ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان،ئەنگلىيە-ھىندىستان ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان نۇرغۇن ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ۋە ھىندى مۇرىتلىرى ئافغانىستان تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھىندىستاندا «باش تارتىش ھەرىكىتى» قوزغالغان، كۆپلىگەن ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ھىندىستاندىن ئايرىلىپ، قوشنا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە كەتكەن. 1920-يىلى 8-ئايدا ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيىنى بۆلۈشۈۋېلىش توغرىسىدىكى «سېفولى شەرتنامىسى» نى ئىمزالىشى ھەرىكەتنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن. 9-ئايدا خەلق كونگىرېسى پارتىيىسى كالكوتتىدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، خەلىپە ھەرىكىتىنىڭ تەلىپىنى ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى پروگراممىسىنىڭ بىرقىسمى قىلىشنى قارار قىلغان. 1922-يىلى ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى توختاپ قالغانلىقى ھەمدە تۈركىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى، 1923-يىلى ۋە 1924-يىلى تۈركىيە سۇلتانلىقى ۋە خەلىپىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىكار قىلىنغانلىقى تۈپەيلىدىن ھەرىكەت توختاپ قالغان.

خەيباۋ چىڭلىڭ (كەيبو ئائوجىما)

  • خەيباۋ چىڭلىڭ (كەيبو ئائوجىما)[يەشمىسى:]1755 — 1817) ياپونىيە ئېدو دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئالىم. ئۇنىڭ دادىسى تانگو (ھازىرقى كىيوتو) ۋاسساللىقىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ساموراي بولغان. ئېدودا تۇغۇلغان، ئىسمى گاۋخې. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىپ ۋاسساللىقلارنى ئارىلاپ دەرس بەرگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كىيوتودا ئولتۇراقلىشىپ مەكتەپ ئېچىپ دەرس بەرگەن ھەمدە يېزىقچىلىق قىلغان. تاۋار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، شوگناتنى ۋە ۋاسساللىق مالىيىسىنى قۇتقۇزۈشنى تەشەببۇس قىلغان، ۋاسسال خوجايىنلىرى ۋە سامورايلارنىڭ ھەممىسى سودا بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ دەپ قارىغان، ئۇ سودا ھېرىسلىقى تۈسىنى ئالغان. ئۇنىڭ «قەدىمكى تىل توغرىسىدا»، «كەيبو ئەسەرلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

خەيدۇڭ تارىخى

  • خەيدۇڭ تارىخى[يەشمىسى:] كىتاب نامى. چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھەقىقىي بىلىم تەرەپدارلىرىدىن بولغان ئالىم خەن جىيون تۈزگەن. جۇڭگو، ياپونىيىدىكى 540 نەچچە خىل قەدىمكى ئەسەرلەردىكى چاۋشيەنگە دائىر خاتىرىلەرنى ئېلىپ، تۈرلەرگە ئايرىپ تۈزۈپ چىققان. دەسلەپ 70 جىلد تۈزگەن، كېيىن يەنە 15 جىلد تۈزگەن، جەمئىي 85 جىلد بولغان. ئۇ ئەسەرلەر،يىلنامە ئەدەب-قائىدە تەزكىرىسى، مۇزىكا تەزكىرىسى، ئەسكىرىي تۈزۈم، جازا تەزكىرىسى، يېمەك-ئىچمەك تەزكىرىسى، مەھسۇلاتلار تەزكىرىسى، ئۆرپ-ئادەت تەزكىرىسى، ئوردا تەزكىرىسى، ئەمەلدارلار تەزكىرىسى، بۇددا دىنى تەزكىرىسى، تويلۇق تەزكىرىسى، سەنئەت تەزكىرىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنگەن (ئۇنىڭ ئىچىدە 1-دىن 16-جىلدقىچە شەرقىي يى بەگلىكلىرى، تەنجۇن دەۋرىدىكى چاۋشيەندىن تارتىپ، كورىيە سۇلالىسىگىچە) ئۇنىڭدىكى نەقىل كەلتۈرۈلگەن ماتېرىياللار مول ھەم ئەمەلىي بولۇپ، قاتتىق تەكشۈرۈلگەن، ئۇ يېڭزۇ، جېڭزۇ سۇلالىلىرىدىكى ھەقىقىي بىلىم تەرەپدارى بولغان ئالىملارنىڭ تارىخ، جۇغراپىيە، ھەربىي ئىشلار، ئەدەبىيات، جەمئىيەت تۈزۈمى جەھەتتىكى تەتقىقاتلىرىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ «جۇغراپىيىلىك تەكشۈرۈش» دېگەن 15 جىلدلىق داۋامىغا ئۇنىڭ جىيەنى خەن جېنشۇ ئىزاھ يازغان. بۇ چاۋشيەن جۇغراپىيىسىنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان.

خەيدۇڭ مېتال ۋە تاش ئابىدىلىرى

  • خەيدۇڭ مېتال ۋە تاش ئابىدىلىرى[يەشمىسى:] كىتاب نامى. چاۋشيەندىكى مۇھىم مېتال-تاش ئابىدىلەر توپلىمى. جۇڭگولۇق ليۇيەنتىڭ تۈزگەن، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چاۋشيەن ئالىملىرىدىن جىن جىڭشى، جىن مىڭشى، جاۋيىنيۇڭ قاتارلىقلار ئەلچى بولۇپ چاۋشيەننىڭ نۇرغۇنلىغان مېتال-تاش ئابىدە يازمىلىرىنىڭ نۇسخىسىنى ئېلىپ بېيجىڭغا كېلىپ، جۇڭگو ئالىملىرىغا تەقدىم قىلغان. 1831-يىلى(چىڭ سۇلالىسى داۋگۇاڭنىڭ 11-يىلى) ليۇيەنتىڭ كۆپ يىللار داۋامىدا توپلىغان چاۋشيەن مېتال-تاش ئابىدىلىرى نۇسخىسىدىن مۇشۇ كىتابنى تۈزگەن، جەمئىي سەككىز جىلد. كېيىن يېغىلىقلار تۈپەيلىدىن چېچىلىپ كېتىپ، ئاران ئالدىنقى تۆت جىلدنى پەن ۋىنچىن (بۇيىن) ساقلاپ قالغان،1881-يىلى (چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈنىڭ 7-يىلى) جاڭ سۇڭپىڭ (دېرۇڭ) نەشىر قىلىپ تارقاتقان. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، ليۇچېڭگەن كېيىنكى تۆت جىلدنى تېپىپ تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، سەككىز جىلدنى تولۇقلىغان ھەمدە «تولۇقلىما» دېگەن ئالتە جىلد، «قوشۇمچە» دېگەن ئىككى جىلد بولۇپ، جەمئىي 16 جىلدنى 1922-يىلى نەشىر قىلىپ تارقاتقان. ئۇ چاۋشيەن مېتال-تاش ئابىدە يېزىقلىرىنىڭ ئەڭ بالدۇرقى، ئەڭ مۇكەممەل نۇسخىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇ قاتتىق تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن، ئىزاھلىرى تەپسىلىي بولۇپ، ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

خرۇشېۋ

  • خرۇشېۋ[يەشمىسى:]Никита Сергеевич Хрущёв، 1894 — 1971) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى (1953—1964). سوۋېت ئىتتىپاقى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى(1958— 1964). ئوكرائىنالىق. كان ئىشچىسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. پادىچى، سىلىسار بولۇپ ئىشلىگەن. 1918-يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1929-يىلى موسكۋا سانائەت شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1934-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1935-يىلدىن ئېتىبارەن سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) موسكۋا ئوبلاستلىق كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى، قوشۇمچە شەھەرلىك پارتكومنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى بولغان. 1938-يىلدىن ئېتىبارەن پارتىيىنىڭ ئوكرائىنا مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى بولغان. 1939-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېنېرال مايور ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن دەسلەپكى مەزگىلدە پارتىيىنىڭ ئوكرائىنا مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتىگەن ھەمدە ئوكرائىنا جۇمھۇرىيىتى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1949-يىلى 12-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋە موسكۋا ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى بولغان. 1952-يىلى 10-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1953-يىلى 3-ئايدا ستالىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان، كېيىن بىرىنچى سېكرىتارى، مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 1956-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 20-قۇرۇلتىيىدا «شەخسكە چوقۇنۇشقا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى» دېگەن مەخپىي دوكلات بېرىپ، ستالىننى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان. ھوقۇق تۇتقان مەزگىلدە زومىگەرلىك لۇشيەنى ۋە سىياسىتىنى يولغا قويغان. 1964-يىلى 10-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىك گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلگۈنچىلىك پەيدا بولغاندا، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ۋەزىپىلەردىن ئېلىپ تاشلانغان.

خرىستىئان تارىخشۇناسلىقى

  • خرىستىئان تارىخشۇناسلىقى[يەشمىسى:] تارىخنى خرىستىئان ئىلاھىيەت قارىشى بىلەن چۈشەندۈرىدىغان بىر خىل راھىبچىلىق تارىخشۇناسلىق. خرىستىئان دىنىنىڭ رىم ئىمپېرىيىسىدە كەڭ تارقىلىشى بىلەن ئەۋج ئالغان. مىلادى Ⅳ ئەسىردە، ئېئوسېبېئۇس يازغان «يىلنامە» ۋە «چېركاۋ تارىخى» خرىستىئان تارىخشۇناسلىقىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. Ⅴ ئەسىردە سېن ئاۋگۇستىن «ئىلاھ شەھىرى» نى يېزىپ، «ياخشىلىق بىلەن يامانلىقتىن ئىبارەت ئىككى مەنبەچىلىك» ۋە «ئىلاھ ئىرادىچىلىكى» نى ئوتتۇرىغا قويغان، ئىنسانلارنىڭ ھەممە نەرسىسىنى «ئىلاھ» ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان، تارىخ «ئىلاھ» ئىرادىسىنىڭ گەۋدىلىنىشى، دەپ قارىغان. بۇ تەلىمات خرىستىئان ئىلاھىيەت تارىخ قارىشىنىڭ يادروسى بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن كلاسسىك تارىخشۇناسلىق ئەنئەنىسى ئۈزۈلۈپ قالغان، خرىستىئان تارىخشۇناسلىقى غەربتە ئەنئەنە ئورنىغا ئىگە بولۇپ، تاكى ⅩⅣ ئەسىردە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش ھەرىكىتى قوزغالغانغا قەدەر غەرب تارىخشۇناسلىقىنى مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىت داۋامىدا ئىدارە قىلغان. تارىخ يازغۇچىلارنىڭ تولىسى راھىبلار ۋە مۇناخلار، مەزمۇنىنىڭ تولىسى ئىلاھىيەت خۇراپاتلىقلىرى ياكى چېركاۋ تارىخىدىن ئىبارەت. تۈزۈلۈشى پۈتۈنلەي دېگۈدەك بىر خىل يىلنامە شەكلىدە بولۇپ، دىنىي خۇراپاتلىق ھەقىقىي تارىخنىڭ ئورنىنى ئالغان، تارىخشۇناسلىق ئىلاھىيەتنىڭ قۇلى ياكى بېقىندىسى بولۇپ قالغان، ئۇ قويۇق مىستىتىزم، مەدرىس پەلسەپىسى ۋە راھىپچىلىق تۈسىنى ئالغان. قوللىنىلغان «خرىستىئان يىلنامىسى» بىرقەدەر ئاددىي-ئاسان بولۇپ، ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.

خرىستىئان دىنى

  • خرىستىئان دىنى[يەشمىسى:] دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىن (بۇددا دىنى، خرىستىئان دىنى، ئىسلام دىنى) نىڭ بىرى، قىددىس ئەيسانى قۇتقۇزغۇچ ئىگەم دەپ چوقۇنىدىغان دىنىي مەزھەپلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇنى قىددىس ئەيسا بەرپا قىلغان. تارىختا كاتولىك دىنى، پراۋوسلاۋىيە دىنى، پروتېستانت دىنى ۋە بەزى ئۇششاق مەزھەپلەر شەكىللەنگەن. مىلادى Ⅰ ئەسىردە رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىدە (كىچىك ئاسىيا ۋە پەلەستىن ئەتراپىدا) ئەۋج ئېلىپ، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئافرىقىغا تېز تارقالغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى خرىستىئان دىنى يەھۇدىي پروتېستانت مەزھىپى ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان، ئۇنىڭ مۇرىتلىرىنىڭ تولىسى نامرات خەلق ۋە قۇللار بولۇپ، ئۇلار رىم زوراۋانلىقىغا، بايلارنىڭ رەھىمسىزلىكىگە قارشى تۇرغان، باراۋەرلىك ۋە تەڭ تەقسىم قىلىش ئىدىيىسىگە ئىگە. ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئاساسەن: خۇدا (تەڭرى) ئىنسانلار ۋە جىمى نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئىگىسى، لېكىن ئىنسان دەسلەپتىلا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ،چوڭقۇرئازاب-ئوقۇبەتكە قالغان، پەقەت خۇدا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى قىددىس ئەيسا (قۇتقازغۇچ ئىگەم) لا ئىنسانلارنى قۇتقۇزالايدۇ، كىشىلەر بۇ دۇنيادىكى جەبرى-جاپاغا تاقەت قىلسا، ئۆلگەندىن كېيىن جەننەتكە كىرىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. بۇ رىم ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى كەڭ تۆۋەن قاتلام خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتى ۋە ساداسىنى، شۇنداقلا رېئال تۇرمۇشتا قارشىلىقتىن نەتىجە بولمىغان، ياخشىلىنىشتىن ئۈمىد بولمىغان، شۇنىڭ بىلەن دىندىن چىقىش يولى تېپىشقا ئۆتكەن پاسسىپ ئىدىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مىلادى Ⅱ، Ⅲ ئەسىرلەردىن كېيىن، مۈلۈكدارلار سىنىپىدىكىلەرنىڭ دىنغا كىرىشى ۋە دىنىي جەمئىيەتنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا ئېلىشىغا ئەگىشىپ، خرىستىئان دىنى ئېزىلگۈچىلەر دىنى بولۇش خاراكتېرىنى پەيدىنپەي يوقىتىپ، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلارنىڭ قورالىغا ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «دۇنيانىڭ يارىتىلىشى»، «تۇنجى گۇناھ»، «گۇناھىنى يۇيۇش»، «جەننەتتە ئاتا قىلىنغان نېمەتلەر» قاتارلىق سىستېمىلىق ئەقىدىنى بەرپا قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي دەستۇرى «ئىنجىل» («تەۋرات»، «ئىنجىل»). رىم ھۆكۈمرانلىرى دەسلەپ خرىستىئان دىنى كوممۇنىلىرىغا قارىتا باستۇرۇش تەدبىرىنى قوللانغان، Ⅳ ئەسىردە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئۆتكەن ھەمدە ئۇنى دۆلەت دىنى دەپ جاكارلىغان. ئەنئەنىۋى دىنىي ئەقىدىلەرنى تۈزۈپ، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى «بىدئەت» قاتارىدا جازالىغان. دىنىي جەمئىيەت تۈزۈلمىسى ۋە دىنىي تەبىقە تۈزۈمىمۇ تەدرىجىي شەكىللەنگەن. غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ھالاك بولغان (مىلادى 476-يىلى) دىن كېيىن، قۇللۇق جەمئىيەتتىن فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئۆتۈش بىلەن تەڭ، خرىستىئان دىنىمۇ قۇلدارلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن فېئوداللار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئۆتكەن. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپادا، رىم پاپا ئوردىسى باشچىلىقىدىكى كاتولىك دىنى فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى بولغان، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئەڭ چوڭ فېئودال بولغان؛ ئۇ ئىدېئولوگىيە ۋە ئىلىم-پەننى ئىلاھىيەتنىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىپ، «دىنىي سوت» قاتارلىق ئورگانلار ئارقىلىق ئىلغار ئىش ۋە ئىلغار ئىدىيىلەرنى دەھشەتلىك تۈردە باستۇرغان. 1054-يىلى شەرق، غەرب دىنىي جەمئىيەتلىرىدە چوڭ بۆلۈنۈش بولۇپ، شەرقتە «پراۋوسلاۋىيە دىنى» (پراۋوسلاۋ دىنى ياكى يۇنان پراۋوسلاۋىيە دىنى) كونستانتىنوپولنى مەركەز قىلغان، دىنىي ھوقۇق ئاساسىي جەھەتتىن شەرقىي رىم پادىشاھىغا مەنسۇپ بولغان؛ غەربتە «ئادىل دىن» (كاتولىك دىنى) رىم پاپا ئوردىسىنى مەركەز قىلىپ، دەھرىي پادىشاھ ھاكىمىيىتى بىلەن ئۇزاققىچە كۈرەش قىلغان («ھاكىمىيەت بىلەن دىن ماجىراسى»). كاتولىك دىنىي جەمئىيىتى خرىستىئان دىنىنى قوغداش نامى بىلەن سەككىز قېتىم (1096 — 1291-يىللىرى ئارىلىقىدا) ئەھلىسەلىپ ئۇيۇشتۇرۇپ شەرققە يۈرۈش قىلغان. 1517-يىلى گېرمانىيىدە ئالدى بىلەن دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى قوزغالغان، كېيىن ئۇ باشقا جايلارغا كېڭەيگەن، شۇنىڭ بىلەن «پروتېستانت دىنى» پەيدا بولغان؛ پروتېستانت دىنى كاتولىك دىنى كۈچلىرىگە زەربە بېرىپ، ئۇنى نۇرغۇن مەزھەپلەرگە پارچىلاپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە مىللىي دۆلەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ تەرەققىي قىلغان. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، خرىستىئان دىنى غەرب كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە مۇستەملىكىچىلىك-كېڭەيمىچىلىك قىلىشتىكى قورالى بولۇپ قالدى. ئاسىيا، ئافرىقا، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قىتئەلىرىگە تېخىمۇ كەڭ تارىلىپ، تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان دۇنياۋى دىن بولۇپ قالدى. خرىستىئان دىنىنىڭ بەزى مەزھەپلىرى تاڭ سۇلالىسى، يۇەن سۇلالىسى دەۋرلىرىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگوغا يېتىپ كەلگەن، لېكىن كەڭ تارالمىغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا كاتولىك دىنى يەنە بىر قېتىم كىرگەن. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە روسىيە رۇس پراۋوسلاۋىيە دىن تارقاتقۇچىسى (1453-يىلدىن كېيىن پراۋوسلاۋىيە دىنىنىڭ مەركىزى روسىيىگە يۆتكەلگەن) نى جۇڭگوغا ئەۋەتكەن. پروتېستانت مەزھەپلىرىمۇ ئەپيۇن ئۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدە كەينى-كەينىدىن كىرگەن. ئۇلارنىڭ تولىسى مۇستەملىكىچى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشتىكى قورالى بولغان. جۇڭگو ئادىتىدە كاتولىك دىنى (كونا دىن) دىن پەرق قىلىدۇ، ئادەتتە پروتېستانت دىنىنى خرىستىئان دىنى دەپ ئاتايدۇ.

خمېلنىسكىي

  • خمېلنىسكىي[يەشمىسى:]Богдан Зиновий Михайлович Хмельницкий، 1595 — 1657) 1648-يىلدىكى پولشانىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئوكرائىنا دېھقانلىرى قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى. ئوكرائىنا سەركەردىسى. ئوكرائىنادىكى پولەك كىچىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. لاتىنچە، پولەكچە ۋە تۈركچىنى بىلىدۇ. 1620-يىلى پولشا-تۈركىيە ئۇرۇشىدا تۈركلەر تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشۈپ، ئىككى يىل قامالغان. ئوكرائىناغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، تىزىمغا ئالدۇرۇلغان كازاك قوشۇنىغا قاتناشقان. 1637 — 1638-يىللاردىكى خەلق قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1647-يىلى پولشانىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىش تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا قويۇپ بېرىلگەن. 1648-يىلى ئەتىيازدا كازاكلاردىن 8 مىڭ كىشىنى باشلاپ دېنىپىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بۇ قوزغىلاڭ تېزلا پۈتۈن ئوكرائىنانى قاپلاپ كەتكەن. قوزغىلاڭدا پولشا ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 1648-يىلنىڭ ئاخىرىدا كىيېۋ شەھىرىگە كىرىپ، پۈتۈن ئوكرائىنانىڭ سەركەردىسى بولۇپ قالغان. 1649-يىلى پولشا بىلەن «زبوروپ سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. پولشا ئوكرائىنانىڭ مۇستەقىل مەمۇرىي رايون ئىكەنلىكىنى ھەم ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا پولشا ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقىدىن، خەلق يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 1651-يىلى پولشا غەربىي ئوكرائىناغا بېسىپ كىرگەن. پولشاغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۇ قىرىم خانىدىن ئىككى قېتىم ياردەم تىلىگەندە، ساتقىنلىققا ئۇچرىغان. پولشا قىرىم خانى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، كىيېۋنى يېڭىباشتىن بېسىۋالغان. ئىككىنچى يىلى ئۇ روسىيىنىڭ ئەسكەر چىقىرىپ پولشاغا قارشى زەربە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. 1653-يىلى روسىيە پولشاغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 1654-يىل 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۇ پېلېياسلاپتا ئوكرائىنا كازاكلار قۇرۇلتىيى (دارادا) غا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئوكرائىنانىڭ روسىيىگە يېڭىباشتىن قوشۇلىدىغانلىقىنى ماقۇللىغان ۋە جاكارلىغان. ئاندىن روسىيە-پولشا ئۇرۇشى (1654 — 1667) غا قاتناشقان. 1655-يىلى ئوكرائىنانى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، موسكۋادىكى سەركەردىلەر بىلەن بىللە قوشۇن تارتىپ پولشاغا بېسىپ كىرىپ، ليوبلىننى ئىشغال قىلىۋالغان. كېيىن كېسەل بىلەن ئۆلگەن.

خلوپكو قوزغىلىڭى

  • خلوپكو قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا روسىيە دېھقانلىرىنىڭ چار پادىشاھنىڭ فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمىگە قارشى قوزغىلىڭى. ئۇنىڭ رەھبىرى خلوپكو (Хлопко) بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇرۇش يىلمۇ يىل ئۈزۈلمەي ئېلىپ بېرىلغان، باج-سېلىق كۆپەيگەن ۋە فېئوداللارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىسى ئېغىرلاشقان. بۇنىڭ ئۈستىگە 1601—1603-يىللىرى ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن. شۇ سەۋەبتىن ئاشلىق باھاسى تېزلا ئۆرلەپ كەتكەن؛ دېھقانلار ئارقىمۇ ئارقا قېچىپ كەتكەن، نۇرغۇن شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئۆزلىرىنى قۇللۇققا سېتىشقا مەجبۇر بولغان. سىنىپىي كۈرەش كۈنسايىن ئۆتكۈرلەشكەن. 1603-يىلى خلوپكو روسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. يانچىلار، كازاكلار «بۇلاڭچىلار» قوشۇنىغا ئۇيۇشقان. قوزغىلاڭ تېزدىنلا دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا رايونىنى قاپلاپ كەتكەن. قوزغىلاڭچى قوشۇن چار پادىشاھى بورىس گودۇنوۋ ئەۋەتكەن جازا يۈرۈشى قىلغۇچى ئەترىتىنى مەغلۇپ قىلغان، چار پادىشاھى ھۆكۈمىتى ئالاقزادە بولۇپ، يەنە بىر قېتىم ئەسكەر كۈچىنى توپلاپ قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرماقچى بولغان. ئىككى تەرەپ موسكۋا ئەتراپىدا كەسكىن جەڭ قىلىشقان. قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ كۈچى ئاجىز بولغاچقا مەغلۇپ قىلىنغان. خلوپكو ئەسىر بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆلگەن. قېپقالغان بىر قىسىم قوزغىلاڭچىلار شىمالىي ئوكرائىناغا چېكىنىپ بېرىپ، 1606-يىلدىكى بولوتېنىكوپ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان.

خوئابىن مەدەنىيىتى

  • خوئابىن مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرىدىن يېڭى تاش قورال دەۋرىگىچە بولغان دەسلەپكى بىر خىل مەدەنىيەت. 1926-يىلى ۋيېتنام خانوينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى خوئابىن ئۆلكىسىدىن تېپىلغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. تىپىك خارابىلەردىن چاۋدۇڭ ئۆڭكۈرى، كەنسۇن كەنتى، چېڭچەن، ماڭكاڭ قاتارلىقلار بار. قېپقالغان نەرسىلەر ئاساسەن ھاك تېشى تاغ ئۆڭكۈرلىرىدىن تېپىلغان، ئاساسلىقى تاش پالتا، تاش بىگىز قاتارلىق چوقۇپ ياسالغان تاش قوراللار بولۇپ، نەپىس ئىشلەنگەن. بىلەپ تىغ چىقىرىلغان بىر قىسىم قوپال تاش قوراللارمۇ بار. يەنە تاشتىن ياسالغان قاچىلاش ئەسۋابى، بىلەي تاش، سۆڭەك ۋە مۈڭگۈزدىن ياسالغان قوراللارمۇ بار. لېكىن ساپال ئەسۋابلار يوق. دەۋرى تەخمىنەن بۇنىڭدىن 10 مىڭ يىلدىن 6000 يىلغىچە ئىلگىرى بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.

خوئارې

  • خوئارې[يەشمىسى:]Samuel Hoari، 1880 — 1959) ئەنگلىيىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى(1935). كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، 1910-يىلى تۆۋەن پالاتانىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ئەزالىقىغا سايلانغان. 1922 — 1924،1924 — 1929-يىللاردا ئاۋىئاتسىيە ۋەزىرى بولغان، 1931-يىلى ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان، 1935-يىلى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىنى تۈزۈپ، ھىندىستاننى ئىچكى ئىشلار جەھەتتە چەكلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە قىلغان، 1935-يىلى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ، ئىتالىيىنىڭ ئېفىئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلىش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلغان چاغدا، فرانسىيە زۇڭلىسى لاۋال بىلەن يەڭ ئىچىدە كېڭىشىپ، ئېفىئوپىيىنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىدىغان كېلىشىم («خوئارى-لاۋال كېلىشىمى») نى تۈزۈپ، ئىچكى-تاشقى جامائەت پىكرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە دېڭىز ئارمىيىسى ۋەزىرى، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1938-يىلى چېمبېرلىننىڭ «ميۇنخېن كېلىشىمى» نى ئىمزالىشىنى پائال قوللىغان. كېيىن ئاۋىئاتسىيە ۋەزىرى (1940)، ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق پەۋقۇلئاددە ئەلچى (1940 — 1944) بولغان، 1944-يىلى ۋىكوندلىققا تەيىنلەنگەن. «جاپا-مۇشەققەتلىك توققۇز يىل» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

خوئارې-لاۋال كېلىشىمى

  • خوئارې-لاۋال كېلىشىمى[يەشمىسى:] ئەنگلىيىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى خوئارې بىلەن فرانسىيە زۇڭلىسى لاۋال 1935-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى پارىژدا مەخپىي ئىمزالىغان. كېلىشىمدە ئېفىئوپىيىنىڭ ئوگادېڭ ئۆلكىسىنىڭ ھەممىسىنى، تېگرى ۋە خارار ئۆلكىلىرىنىڭ شەرقىي قىسمىنى ئىتالىيىگە «ئۆتۈنۈپ بېرىش» يولى بىلەن، ئىتالىيىگە قاراشلىق جەنۇبىي ئېرىترىيىدىن ئىبارەت بۇ ئۇزۇنچاق زونانى ۋە ئاسسابقا بارىدىغان دېڭىز ئېغىزىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ئېفىئوپىيە ئىتالىيە مەسلىھەتچىلىرىنى تەكلىپ قىلىشقا قوشۇلۇشى ۋە ئىتالىيىگە ئالاھىدە ئىگىلىك ھوقۇقى بېرىش تەكلىپ قىلىنغان. كېلىشىم ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ ماداراچىلىق سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى، ئېفىئوپىيىنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان ئېغىر تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئىتالىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا يول قويغانلىق ئىدى. خەۋەر ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىن دۇنيا ئەللىرىدىكى جامائەتچىلىكنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ، خوئارې بىلەن لاۋال ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

خوببېس

  • خوببېس[يەشمىسى:]Thomas Hobbes، 1588 — 1679) ئەنگلىيە مېخانىك ماتېرىيالىست پەيلاسوپى. پوپ ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1608-يىلى ئوكسفورد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە كۆپ يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئەنگلىيە ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيىدىكى چوڭ بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىدىيىۋى ۋەكىلى بولۇپ قالغان. «تەبىئىي ھالەت» ۋە دۆلەتنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدىكى تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويغان. دۆلەت پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى ئىنسانلار تەبىئىي ھالەتتە تۇرغان، ئىنسانلار تەرتىپ ۋە تىنچلىقنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن شەرتنامە تۈزۈپ دۆلەت قۇرغان، دەپ قارىغان. ئۇ، «پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى ئىلاھ ئاتا قىلغان» دېگەن تەلىماتقا زەربە بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. پەقەت دىنىي جەمئىيەتنى دۆلەت ۋە پادىشاھنىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا قويۇپ، «دۆلەت دىنى» ئارقىلىق خەلقنى چەكلەپ، «تەرتىپ» نى قوغدىماقچى بولغان. پاپا ۋە كاتولىك مۇخلىسلىرىنى سۆككەن. پەلسەپە جەھەتتە بېكوننىڭ ماتېرىيالىزمىنى سىستېمىلاشتۇرغان. تەبىئەتنى بىلىش، تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش — پەلسەپىنىڭ مەقسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. لېكىن بېكوننىڭ «قوش ھەقىقەت» دېگەن تەلىماتىغا قوشۇلماي، ھەقىقەتكە ئېتىقادتىن ئېرىشكىلى بولمايدۇ، ھەقىقەت تەجرىبە ۋە ئىلمىي تەجرىبىدىنلا كېلىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ھەممىنى ماتېماتىكا ۋە مېخانىكا بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان. گېئومېترىيە ئۇسۇلى يەنى ئەقلىي دېدوكتىۋ ئۇسۇل — تەپەككۇر ۋە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، دەپ قارىغان. ئۇ تىپىك مېخانىكىلىق ماتېرىيالىزمچى بولۇپ، ئالەم مېخانىكىلىق ھەرىكەتلىنىپ تۇرۇۋاتقان جىسىم (ياكى ئەمەلىي مەۋجۇدىيەت) نىڭ يىغىندىسى، ئۇ بىلگىلى بولىدىغان ھەقىقىي نەرسە دەپ ھېسابلىغان. «جىسىم ھەققىدە»، «لىۋىتان»، «ئادەم توغرىسىدا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. گومېرنىڭ داستانىنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان.

خوبسون

  • خوبسون[يەشمىسى:]John Atkinson Hobson، 1858 — 1940) ئەنگلىيىلىك ئىقتىسادشۇناس، مۇخبىر، ئىسلاھاتچى. كېينېسنىڭ تەلىماتىنى قوللىغان. كاپىتالىزم تۈزۈمى شارائىتىدا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمال ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بولىدۇ، ئىستېمالنىڭ يېتەرسىز بولۇشى ئىقتىسادىي كرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. لېكىن دارامەت تەقسىماتىنى ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەندىلا، كرىزىسنى تۈگەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. جاھانگىرلىكنىڭ بەزى تۈپ خۇسۇسىيەتلىرىنى، جۈملىدىن تەييارتاپلىق قاتارلىقلارنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن جاھانگىرلىكنىڭ كاپىتالىزم تەرەققىياتىنىڭ بىر باسقۇچى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى بىر خىل سىياسەتنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىغان. «خەلقئارا جاھانگىرلىك» نى ئاساس قىلىپ، «ئەبەدىي تىنچلىق» نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەرغىپ قىلغان. ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن «ھازىرقى زامان كاپىتالىزمىنىڭ تەرەققىياتى»، «جاھانگىرلىك ھەققىدە» قاتارلىقلار بار.

خوپتمان

  • خوپتمان[يەشمىسى:]Gerhart Hauptmann، 1862 — 1946) گېرمانىيىلىك دراماتورگ. ئۇششاق سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا بۇرايىسلاۋ گۈزەل سەنئەت مەكتىپىدە ئوقۇغان. كېيىن يېنا داشۆسىدە تەبىئىي پەنلەرنى ئوقۇغان. 1883-يىلى ئىتالىيىگە بېرىپ بىر يىلدىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ياش دەۋرىدە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە ھېسداشلىق قىلغان. گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرغان. دەسلەپتە ھېكايىلەرنى يازغان. 1889-يىلى «كۈن چىقىشتىن بۇرۇن» دېگەن سەھنە ئەسىرى ئېلان قىلىنىپ داڭقى چىقىپ، گېرمانىيە ناتۇرالىزمچىلىرىنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىسى بولۇپ قالغان. پۈتۈن ئۆمرىدە 30 نەچچە پارچە سەھنە ئەسىرى يازغان. بۇنىڭ ئىچىدە 1844-يىللاردىكى سېلېزىيە توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرىنىڭ قوزغىلىڭىنى تەسۋىرلىگەن «توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى» مەشھۇر بولغان. 90-يىللارنىڭ باشلىرى «فېررورېئان گېيىل»،«قۇندۇز تېرىسى»، «يالقۇن» قاتارلىق رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سەھنە ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلغان. شۇنداقتىمۇ رېئاللىقتىن ئايرىلغان، سىرلىق تۈس ئالغان. «خەننانىڭ ئەرشكە چىقىشى»، «ئېغىر سىگنال» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىنىمۇ يازغان.1912-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

خوپكىنىس

  • خوپكىنىس[يەشمىسى:]Harry Lloyd Hopkins، 1890 — 1946) ئامېرىكىلىق ئەمەلدار، 1921-يىلى گېلنېر شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. 1931-يىلى ئەينى چاغدىكى نيۇ-يورك شتاتىنىڭ باشلىقى روزۋېلت ئۇنى نيۇ-يورك شتاتلىق ۋاقىتلىق جىددىي قۇتقۇزۇش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى قىلغان. روزۋېلت ئىككى يىلدىن كېيىن زۇڭتۇڭ بولغاندا قوشما شتاتلىق ۋاقىتلىق جىددىي قۇتقۇزۇش مەھكىمىسى قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، زۇڭتۇڭنىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسى بولغان، روزۋېلتنىڭ ئىشەنچلىك ئادىمى. ئىجارىگە بېرىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. كېيىن كۆپ قېتىم ئالاھىدە ئەلچى سۈپىتىدە ئەنگلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، بەزى چوڭ-چوڭ تاشقى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغان. 1945-يىلى ترۇمىن زۇڭتۇڭنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە موسكۋاغا بېرىپ پولشا مەسىلىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇش مەسىلىسىنى كېڭەشكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي جامائەت ئىشلىرىدىن چېكىنىپ چىققان. ئىككىنچى يىلى كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.

خوپلىتېلار

  • خوپلىتېلار[يەشمىسى:]Hoplites) قەدىمكى يۇنان شەھەر بەگلىكلىرى ۋە ماكېدونىيىدىكى بىر خىل ئېغىر قوراللانغان پىيادە ئەسكەرلەر. ئۇلارنىڭ قورال-جابدۇقى ئىچىدە دوبۇلغا ۋە ساۋۇتتىن باشقا يەنە خەنجەر، نەيزە ۋە قالقانمۇ بار. ئادەتتە بۇلارنى ئەسكەرلىككە كىرگۈچىلەر ئۆزى تەييارلايدۇ، شۇڭا خوپلىتېلار كۆپىنچە مۈلۈكدارلاردىن كېلىدۇ. رىمدىكى ئېغىر قوراللانغان پىيادە ئەسكەرلەر لىگونارىلار (Legionarii) دەپ ئاتىلاتتى.

خوتسۇمى نوبۇشكې

  • خوتسۇمى نوبۇشكې[يەشمىسى:]1856 — 1926) ياپونىيىلىك قانۇنشۇناس. قانۇنشۇناسلىق دوكتورى، ئوۋاجىما ۋاسساللىقىدىن كېلىپ چىققان. داشۇنىڭ جەنۇبىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1876-يىلى ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ئوقۇغان. 1881-يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن توكيو داشۆسى (1886-يىلىدىن ئېتىبارەن ئىمپېرىيە داشۆسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن، 1897-يىلدىن ئېتىبارەن توكيو ئىمپېرىيە داشۆسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن) نىڭ پروفېسسورى بولغان (1882 — 1912). 1890-يىلى ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1925-يىلى زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ھەق تەلەپ قانۇنى، سودا قانۇنى، قانۇن ئۆرنەكلىرى قاتارلىقلارنى تۈزۈش ۋە تەييارلاش خىزمىتىگە قاتناشقان. «بەش كىشىلىك گۇرۇپپا تۈزۈمى ھەققىدە»، «بەش كىشىلىك گۇرۇپپىغا ئائىت قانۇن-نىزاملار توپلىمى»، «قانۇننىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى نەزەرىيىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

خوجىدار

  • خوجىدار[يەشمىسى:] ياپونىيە مۇروماچى شوگۇنلىقىدىكى ئەمەل نامى. سىياگونغا ياردەملىشىپ مەمۇرىي ئىشلارنى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ. دەسلەپتە ئىجراچى دەپ ئاتالغان. 1362-يىلى سىبا ئاكى (1350 — 1410) ئىجراچى بولغاندىن كېيىن خوجىدار دەپ ئۆزگەرتكەن. 1367-يىلى خوسوكاۋا رايزى (1329 — 1392) خوجىدار بولغان، كېيىن ئىككى جەمەت نۆۋەتلىشىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.1398-يىلى خاتالىياما موتوكۇنى (1352 — 1406) خوجىدار بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىبا، خوسوكاۋا، خاتالىيامادىن ئىبارەت ئۈچ جەمەت نۆۋەتلىشىپ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى ئۈچۈن «ئۈچ خوجىدار» دەپ ئاتالغان.

خوخېنزوللېرن جەمەتى

  • خوخېنزوللېرن جەمەتى[يەشمىسى:] گېرمانىيىدىكى ھۆكۈمران جەمەت. تەخمىنەن Ⅹ ئەسىردە شۋابىيە كىنەزلىكىنىڭ بۇرخاردىنگېر (Burchardinger) دېگەن يېرىدىكى خوخېنزوللېرن (Hohenzollern) بۇرگدا بارلىققا كەلگەن. تەخمىنەن 1100-يىلى زوللېرن (zollern) گرافى بولغان. 1191-يىلى فرېدرىخ Ⅲ (FriedrichⅢ) مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅵ بىلەن قۇدا بولۇشۇپ نيۇرنبېرگ گرافى خوجىلىق يېرىگە ئىگە بولۇپ، فرېدرىخ Ⅰ دەپ ئاتالغان. 1227-يىلى فرېدرىخ Ⅰ ئۆلگەندىن كېيىن ئىككى تارماققا بۆلۈنگەن: ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى كونراد Ⅲ (Konrad Ⅲ) نيۇرنبېرگ گراف خوجىلىق يېرىگە ئىگە بولۇپ، فرانكونىيە تارمىقى بولۇپ شەكىللەنگەن؛ ئىككىنچى ئوغلى فرېدرىخ Ⅳ (Friedrich Ⅳ) زوللېرن گراف خوجىلىق يېرىگە ئىگە بولۇپ، شۋابىيە تارمىقى بولۇپ شەكىللەنگەن.1415-يىلى فرانكونىيە تارمىقىدىكى نيۇرنبېرگ گرافى فرېدرىخ Ⅵ (Friedrich Ⅵ) براندېنبۇرگ خوجىلىق يېرىگە ئىگە بولۇپ، كورۇل سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە بەگلىك بولۇپ، خوخېنزوللېرن پادىشاھلىقىنى قۇرغان ھەم فرېدرىخ Ⅰ دەپ ئاتالغان.1486-يىلى ئالبېرتⅢ (AlberchtⅢ) ئۆلگەندىن كېيىن يەنە براندېنبۇرگ تارمىقى ۋە فرانكونىيە تارمىقىغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئالدىنقىسى پادىشاھ سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە بەگلىك براندېنبۇرگ دېگەن نامنى ساقلاپ قالغان؛ كېيىنكىسى پرۇسسىيە كىنەزلىكىگە ئىگە بولغان.1618-يىلى براندېنبۇرگ-پرۇسسىيە كىنەزلىكى تەشكىل قىلىنغان.1701-يىلى فرېدرىخ Ⅲ پرۇسسىيە پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ، ئۆزىنى فرېدرىخ Ⅰ دەپ ئاتىغان.1871-يىلى ۋىلھېلم Ⅰ پادىشاھلىق ئۇرۇشىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. 1918-يىلى گېرمانىيىدىكى نويابر ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن خوخېنزوللېرن پادىشاھلىقىنىڭ گېرمانىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. شۋابىيە تارمىقى 1576-يىلى يەنە خوخېنزوللېرن-ھېچىنگېن (Hechingen-H) تارمىقى بىلەن خوخېنزوللېرن-سىگمارىنگېن (Sigmaringen-H) تارمىقى بولۇپ بۆلۈنگەن. كېيىنكىسى 1866 — 1947-يىللىرى رومىنىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان.

خوخېنزوللېرن خاندانلىقى

  • خوخېنزوللېرن خاندانلىقى[يەشمىسى:] گېرمانىيىنىڭ خوخېنزوللېرن جەمەتى قۇرغان خاندانلىق بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن براندېنبۇرگ بەگلىكى (1415 — 1701)، پرۇسسىيە پادىشاھلىقى (1701 — 1918) ۋە گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى (1871 — 1918) گە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. بۇنىڭ ئاساسىي ۋەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان يىللىرى مۇنداق: فرېدرىخ ۋىلھېلم (1640 — 1688)، فرېدرىك Ⅲ (1688 — 1713؛1701يىلى پرۇسسىيە كورۇلى بولۇپ،فرېدرىخⅠ دەپ ئاتىلىدۇ)، فرېدرىخⅡ(1740— 1786)، فرېدرىخ ۋىلھېلم Ⅳ (1840 — 1861)، ۋىلھېلم Ⅰ (1861 — 1888-يىللىرى پرۇسسىيىنىڭ كورۇلى، 1871 — 1888-يىللىرى گېرمانىيىنىڭ كورۇلى بولغان)، ۋىلھېلم Ⅱ(1888 — 1918). 1918-يىلى 11-ئايدا گېرمانىيىدە بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتلىغان. خاندانلىق شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان. گېرمانىيىدە پادىشاھلىق تۈزۈمگىمۇ خاتىمە بېرىلگەن. خوخېنزوللېرن خاندانلىقىنىڭ تارمىقى 1866-يىلى رۇمىنىيىگە تاكى 1947-يىلى رۇمىنىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانغا قەدەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان.

خوخېنىستائۇفېن سۇلالىسى

  • خوخېنىستائۇفېن سۇلالىسى[يەشمىسى:] ستائۇفېن خاندانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ فېئوداللىق خاندانلىقى (1138 — 1254) بۇ خاندانلىقنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ جەمەتى ئەسلىدە خوخېنىستائۇفېن (Hohenstaufen ياكى ستائۇفېن (Staufen) بۈگۈنكى فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ بادېن-ۋيۇرتېمبېرگ ئوبلاستىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە) دە ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە، شىمالىي ئىتالىيىگە كەينى-كەينىدىن تاجاۋۇز قىلغان. لومباردىيە ئىتتىپاقى ۋە رىم پاپاسى بىلەن توقۇنۇشقان بولسىمۇ، لېكىن مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان؛يەنە قۇدا بولۇشۇش ئارقىلىق 1189-يىلى سىتسىلىيە پادىشاھلىقى (تاكى 1268-يىلغىچە) نى قوشۇۋالغان؛ گېرمانىيە زېمىنىنىڭ تەپرىقىچىلىك ھالىتى كۈنسايىن ئەۋج ئالغان. تارىختا ئۆتكەن كورۇللار ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە تۇرغان يىللىرى: كونرادⅢ(KonradⅢ،1138— 1152)، فرېدرىخ Ⅰ (قىزىل ساقال، 1152 — 1190)، ھېنرى Ⅵ (1190 — 1197)، فرېدرىخⅡ (FriedrichⅡ، 1215 — 1250)، كونراد Ⅳ (KonradⅥ، 1250 — 1254).

خوخېنلۇخې-شىللىڭ

  • خوخېنلۇخې-شىللىڭ[يەشمىسى:]Chlodwig Fйrst zu Hohenlohe Schillingsfйrst، 1819 — 1901) گېرمانىيىنىڭ باش ۋەزىرى ۋە پرۇسسىيىنىڭ باش ۋەزىرى(1894 — 1900). چوڭ پومېشچىكتىن كېلىپ چىققان. 1867 — 1870-يىللىرى باۋارىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ باش ۋەزىرى ۋە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1874 — 1885-يىللىرى فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. 1878-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بېرلىن يىغىنىغا قاتناشقان. 1885 — 1894-يىللىرى ئېلزاس-لوررىننىڭ باش ۋالىيسى بولغان. ۋەزىر ۋە باش ۋەزىر بولغان مەزگىلىدە سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىش سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزگەن. ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن. ياشىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئەمەلىي ھوقۇق تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بۇلاۋنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان.

خوراتىئۇس

  • خوراتىئۇس[يەشمىسى:]Quintus Horatius Flaccus، مىلادىدىن ئىلگىرى 65 — 8) قەدىمكى رىملىق شائىر. جەنۇبىي ئىتالىيىدىكى ئاپۇلىيىنىڭ ۋېنۇسىيە (Venusia) دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى قويۇپ بېرىلگەن قۇل بولۇپ، خوراتىئۇسنى ئاۋۋال رىمغا، كېيىن ئافىناغا ئەۋەتىپ ئوقۇتقان، ئۇ ئافىنادا سىتوئاچىلار ۋە ئېپىكۇرچىلار پەلسەپىسى بىلەن ئۇچراشقان. بۇ چاغدا رىمدا «ئىچكى ئۇرۇش» بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر (برۇتۇ، كاسسىئو باشچىلىقىدىكى) تەرەپكە قوشۇلۇپ، بىر قوشۇنغا قوماندانلىق قىلغان؛ فىلىپپى (گرېتسىيىدە) جېڭىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن (مىلادىدىن ئىلگىرى 42)، رىمغا قايتىپ، قىيىن شارائىتقا چۈشۈپ قالغان، كۆچۈرمىچى بولغان ھەمدە شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. ۋېرگىل بىلەن تونۇشۇپ، مائېسېناس (Maecenas) ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتى بىلەن يېقىنلاشقانلىقتىن سابىن (Sabine) كەنتىدە بىر قورۇققا ئىگە بولغان؛ شۇنداقلا ئوكتائۇس (ئاۋگۇستۇس) نىڭ ماختىشىغا ئىگە بولۇپ، ئوردىدىكى شائىرلار قاتارىغا قوشۇلغان. ئۇ ھەجۋىي شېئىر ۋە لىرىك شېئىر يېزىش بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىدىن جۇمھۇرىيەتچىلىك غايىسى بىلىنىپ تۇرىدۇ. «قەسىدە» (تۆت توم) ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسىرى بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ تومى مىلادىدىن 23 يىل ئىلگىرى، 4-تومى مىلادىدىن 13 يىل ئىلگىرى پۈتتۈرۈلگەن؛ ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىشقا بولىدىغان لىرىك شېئىرلىرىدا مۇھەببەت ۋە دوستلۇق كۈيلەنگەن، ئوكتائۇسنىڭ شان-شەرىپى ۋە رىم دۆلىتىنىڭ بۈيۈكلۈكى مەدھىيىلەنگەن. خوراتىئۇسنىڭ شېئىر تالانتى كېيىنكى زاماندىكىلەرنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن، لېكىن ئۇ ئاخىر خان-خوجىلارنىڭ قولتۇقىغا كىرىپ كېتىشتىن خالى بولالمىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا قېرىندىشى پىسوغا بىر پارچە ئۇزۇن شېئىرىي خەت يېزىپ، شېئىر، ئېتىكا، تىياتىر ۋە ئەدەبىيات ئىجادىيىتى مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا كىشىلەر بۇ خەتنى «شېئىر سەنئىتى» دەپ ئاتاشقان.

خوراسان قوزغىلىڭى

  • خوراسان قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] 1920— 1921-يىللىرى ئىران مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى كۈچەيگەن مەزگىلدىكى قوزغىلاڭلارنىڭ بىرى. 1920-يىلى 8-ئايدا خوراسان (Khorasan) دا تۇرۇشلۇق ئارمىيە قوماندانى مۇھەممەد تاجىخاننىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئىنگلىزلارغا قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلغان؛ پارلامېنت چاقىرىشنى، سۆز ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇشنى، خوراسان ئۆلكىسىدە ئاپتونومىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن دېھقانلارمۇ بۇ كۈرەشكە قاتناشقان ھەمدە فېئوداللىق ھاشارنى بىكار قىلىش ۋە باجنى كېمەيتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1921-يىلى كۈزدە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى، كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ قوراللىق كۈچى ۋە يەرلىك كوردلار قوشۇنىنىڭ بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىشى ئاستىدا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ، مۇھەممەد تاجىخان ئۆلتۈرۈلگەن.

خوراسې مان

  • خوراسې مان[يەشمىسى:]Horace Mann، 1796 — 1859) ئامېرىكا مائارىپ ئەربابى. ماسساچۇسېتىس شتاتىدا تۇغۇلغان. 1819-يىلى بروۋن داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1823-يىلى بوستۇندا ئادۋوكات بولغان. 1827 — 1833-يىللىرى ماسساچۇسېتىس شتاتىدا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى بولغان. 1833 — 1837-يىللىرى شتات كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى بولغان، 1835-يىلىدىن باشلاپ پالاتا باشلىقى بولغان. 1837 — 1848-يىللىرى مۇشۇ شتاتتا مائارىپ كومىتېتىنىڭ تۇنجى رەھبىرى بولغان. 1843-يىلى ياۋروپاغا بېرىپ مائارىپنى كۆزدىن كەچۈرگەن. پېستالوززى پېداگوگىكىسىنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كىرگەن.1848—1853-يىللىرى قوشما شتات كېڭەش ئەزاسى بولغان ھەمدە قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1852 — 1859-يىللىرى ئانتىئوك شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئامېرىكىدا كاپىتالىستىك سانائەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا لايىقلىشىش ئۈچۈن، مائارىپنى ياخشىلاشنىڭ يېڭى لايىھىسىنى يولغا قويغان، جامائەت مەكتىپى تۈزۈمىنى يولغا قويغان، مىللىي مائارىپنى مەجبۇرىيەت قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، شۇنداقلا سىفەن مەكتەپ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن. «ئادەتتىكى مەكتەپلەر ژۇرنىلى»نى تەسىس قىلغان. ئۇ تەھرىرلىك قىلغان «يىللىق گېزىت» جەمئىي 12 سان چىقىرىلغان. مەكتەپ تۈزۈمى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، قىزلار مائارىپى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا بىرمۇنچە ماتېرىياللارنى يەتكۈزۈپ بەرگەن ھەم ئىسلاھ قىلىش پىكىرلىرىنى قويغان. ئامېرىكىدا خەلق مەكتەپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.

خورتېنسىيە قانۇنى

  • خورتېنسىيە قانۇنى[يەشمىسى:]Lex Hortensia) رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدىكى بىر قانۇن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، پۇقرالار بىلەن ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش يەنە بىر قېتىم كەسكىنلەشكەن. پۇقرالارنىڭ تولىسى رىم شەھىرىدىن چىقىپ تايبو دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقى (ئوڭ قىرغىقى) دىكى يانىكۇلۇم (Janiculum) ئېدىرىغا چىقىۋالغان. مىلادىدىن 287 يىل ئىلگىرى، كۇئىن-تۇس خورتېنسى (Quintus Hortennsius) ئىستىبدات بولۇپ سايلىنىپ، ترىبۇتا (قەبىلە) يىغىنىدىكى پۇقرالار قارارى سىناتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلمەيلا بارلىق پۇقرالار (جۈملىدىن ئاقسۆڭەكلەر) غا قارىتا كۈچكە ئىگە بولىدۇ، دېگەن قانۇننى چىقارغان. ئومۇمەن، جۇمھۇرىيەتنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە پۇقرالار بىلەن ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە بارغان، دەپ قارىلىدۇ.

خورتىي

  • خورتىي[يەشمىسى:]Horthy Miklos، 7591 - 8681) ۋېنگرىيىلىك فاشىست مۇستەبىت (4491 - 0291)، دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 14 ياشتا ئاۋس-ترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي شۆيۈەنىگە كىرگەن. 4191 - 9091-يىللىرى پادىشاھنىڭ خاس شتاب ئوفىتسېرى بولغان. 1918-يىلى ئاۋستروۋ-ېنگرىيە دېڭزى ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1919-يىلى ۋېنگرىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئەكسىلئىنقىلابىي «خەلق ئارمىيىسى» نى تەشكىللەپ، جاھانگىرلىك بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنى باستۇرغان. 1920-يىلى «ۋېنگرىيە پادىشاھلىقىنىڭ نائىبى» دېگەن نام بىلەن پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىستىبدات ھاكىمىيەت قۇرغان. 1940-يىلى گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرى ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. ئىككىنچى يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1944-يىلى، سوۋېت ئارمىيىسى ۋېنگرىيىنىڭ دۆلەت تۇپرىقىغا قىستاپ يېقىنلاشقاندا ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقىشقا ئۇرۇنغاندا ئەمەلگە ئاشمىغان. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى گېرمانىيىنىڭ مەجبۇرلىشى ئارقىسىدا ھوقۇقنى كىرىست پارتىيىسىنىڭ باشلىقى سالاسى فېرېنىس (Szalasi Ferenc، 6491 - 7981) قا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. كېيىن گېرمانىيىدىكى باۋارىيىگە قامالغان. گېرمانىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ، 1946-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. پورتۇگالىيىدە سەرگەردان بولغان. «ئەسلىمىلەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

خۇررام مەزھىپى

  • خۇررام مەزھىپى[يەشمىسى:] مىلادى Ⅷ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە ئىران، ئەزەربەيجان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تارقىلىپ يۈرگەن بىر خىل سىرلىق دىنىي مەزھەپ. بۇ مەزھەپنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت: بىر ئېيتىلىشىچە، ئەبۇ مۇسلىم پاجىئەلىك تۈردە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئىراننىڭ خۇررام (Khurram) دېگەن جايىدا بارلىققا كەلگەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ مەزھەپ ئەبۇ مۇسلىمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى پانىي دۇنياغا قايتىپ كېلىپ ئادالەتنى ئومۇملاشتۇرىدۇ دەپ قارىغان. مازداك مەزھىپىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، دۇنيادا ئىككى تۈرلۈك ئاساسلىق سەۋەب، يەنى يورۇقلۇق بىلەن زۇلمەت، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق مەۋجۇت، ئۇلار بىر-بىرى بىلەن توختىماي كۈرەش قىلىپ تۇرىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئىلاھنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئادەمگە ئۆزگىرىدىغانلىقىغا، مۇسا، ئەيسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە خۇررام مەزھىپىنىڭ «پەيغەمبىرى» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىلاھنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن. ئىجتىمائىي زۇلۇم ۋە بايلىقنىڭ تەڭسىزلىكلىكىگە قارشى چىقىپ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىجتىمائىي تۈزۈمگە ئالەمنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن ۋەھشىيلىكنىڭ مەھسۇلى دەپ ھۇجۇم قىلغان. يەرلەرنى ئومۇمنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ، باج-سېلىق، ئالۋان-ياساقلارنى بىكار قىلىپ، ئىجتىمائىي باراۋەرلىكنى تۇرغۇزۇشنى تەشەببۇس قىلغان، بۇ مەزھەپنىڭ دىنىي ئەقىدىسى موكاننا قوزغىلىڭى ۋە بابەك قوزغىلىڭىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.

خورساباد ئوردىسى

  • خورساباد ئوردىسى[يەشمىسى:] ئاسسۇرىيە پادىشاھى سارگون Ⅱ يېڭى پايتەخت تۇر ساررۇكىن (Tur Sarrukin «ساررۇكىن قورغىنى» دېگەن مەنىدە، بۈگۈنكى ئىراقنىڭ خورساباد دېگەن يېرىدە) قۇرغان ئوردا. شۇڭا سارگون ئوردىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلغان. ئوردىنىڭ ئەتراپىغا مۇستەھكەم سېپىل سېلىنغان. ئوردىنىڭ بارلىق قۇرۇلۇشلىرى سېپىل ئىچىدىكى ئېگىز ۋە كەڭ سۈنئىي سۇپىنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان، 111 ئېغىز زال ۋە 30 ھويلا-ئارام بولۇپ، جۈملىدىن چوڭ زال، ھەرەم،ئامبار،قورال-ياراق ئۆيى، ئىبادەتخانا، مۇنار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوردا ئىنتايىن ھەشىمەتلىك، تامنىڭ تۆۋەن قىسمى قاپارتما نەقىش چۈشۈرۈلگەن تاش بىلەن ياسالغان. ئۈستى ۋە تورۇسى سىر ۋە رەڭدار رەسىم بىلەن بېزەلگەن. تېپىلغان يادىكارلىق نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ، ئوردا دەرۋازىسىنى قوغدىغۇچى ھايۋان ھەيكىلى ۋە نەقىشلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئەنگلىيە لوندوندىكى بۈيۈك ئەنگلىيە مۇزېيىدا ساقلانماقتا. خارابىدىن يەنە ئاسسۇرىيە دۆلىتىنىڭ پادىشاھ ئىسىملىكى تېپىلغان. بۇ ماتېرىيال ئىنتايىن يۇقىرى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

خورۋات

  • خورۋات[يەشمىسى:]Horvath Mihaly، 8781 - 9081) ۋېنگرىيىلىك تارىخشۇناس، كاتولىك مىسسىئونېرى، ياش ۋاقتىدا تۆۋەن دەرىجىلىك مىسسىئونېر بولغان ھەمدە ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1844 — 1848-يىللىرى ۋېنا داشۆسىدە ۋېنگرىيە تىلى ۋە ئەدەبىياتى پروفېسسورى بولغان، 1848-يىلى ۋېنگرىيە ئىنقىلابىغا پائال قاتناشقان، ئىككىنچى يىلى كوسۇت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىدە دىنىي ئىشلار ۋە مائارىپ مىنىستىرى بولغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ بېرىپ، ۋېنگرىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن «ۋېنگرىيىنىڭ 300 يىلغا يېقىن سودا-سانائەت تەرەققىيات تارىخى»، «ۋېنگرىيە تارىخى»، «ۋېنگرىيىنىڭ 25 يىللىق تارىخى (1823 — 1848)»، «ۋېنگرىيىنىڭ 9481 - 8481-يىللاردىكى مۇستەقىللىك ئۇرۇش تارىخى» قاتارلىقلار بار.

خوسراۋⅡ

  • خوسراۋⅡ[يەشمىسى:]Khosrow، 826 — ?) ئىران ساسانىلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى (826 - 095). ۋىزانتىيىلىكلەر كوسلوئىس Ⅱ دەپ ئاتىغان. لەقىمى پارۋىز (Parviz، «غالىب» دېگەن مەنىدە). ئاتىسى خورمىزد Ⅳ (Hormizd، 579 — 598-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ئوردىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن تەختكە چىققان، كۆپ ئۆتمەي قول ئاستىدىكىلىرى توپىلاڭ كۆتۈرگەنلىكتىن ئىستانبۇلغا قېچىپ بېرىۋالغان. ۋىزانتىيە پادىشاھى مائۇرىسنىڭ ياردىمى بىلەن قايتىدىن تەختكە چىققان. مىلادى 602-يىلى مائۇرىس ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مائۇرىس ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش نامى بىلەن ۋىزانتىيىنىڭ قولىدىن سۈرىيە، پەلەستىن، مىسىر ۋە كىچىك ئاسىيانى تارتىۋالغان. 617-يىلى ئىستانبۇلنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى چالىسېدونغا (Chalcedon) يېتىپ بارغان.622-يىلى ۋىزانتىيە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن؛ 627-يىلى نىنېۋى جېڭىدە يېڭىلگەن. ياندۇرقى يىلى ئوغلى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن (ئاغرىپ ئۆلگەن دېگەن گەپمۇ بار). شۇنىڭ بىلەن بېسىۋېلىنغان ۋىزانتىيە زېمىنى قولدىن كەتكەن.

خوفت

  • خوفت[يەشمىسى:]Pieter Corneliszoon Hooft، 7461 - 1851) گوللاندىيىلىك گومانىتار ئالىم، شائىر ۋە تارىخشۇناس. ئۇنىڭ دادىسى ئامىستېردام شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان. 1061 - 8951-يىللىرى فرانسىيە، ئىتالىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ساياھەت قىلغان. 9061 - 6061-يىللىرى لېيدېندا (Leiden) قانۇنچىلىق ۋە تارىخنى تەتقىق قىلغان. 1609-يىلى مۇيدېندا (Muiden)مەمۇرىي ئەمەلدار بولغان. ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا بىر تۈركۈم مەشھۇر سەنئەتكارلار، شائىرلار ۋە ئالىملارنى توپلىغان، بۇ گوللاندىيە تارىخىدا «مۇيدېن ئىلىمداشلىرى» دەپ ئاتالغان. ئاساسىي تارىخىي ئەسىرى بولغان 20 توملۇق «نېدېرلاند تارىخى» 1642-يىلى نەشىر قىلىنغان.

خوفمان

  • خوفمان[يەشمىسى:]Max Hoffmann، 7291 - 7681) گېرمانىيە گېنېرالى. بېرلىن ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، روسىيە ۋە ياپونىيىگە بارغان، كېيىن گېرمانىيە باش شتابىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندا شەرقىي سەپتىكى گېرمانىيە قوشۇنىنىڭ پولكوۋنىك دەرىجىلىك شتاب ئوفىتسېرى بولغان، 1916-يىلى گېنېرال مايورلۇققا كۆتۈرۈلگەن، شەرقىي سەپ شتاب باشلىقى بولغان. 1918-يىلى گېرمانىيىنىڭ باش ھەربىي ۋەكىلى سۈپىتىدە بىرسىت سۈلھ سۆھبىتىگە قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن سوۋېت روسىيىسىگە قوراللىق ئارىلىشىشنى پائال تەرغىپ قىلغان ۋە گېرمانىيىدە خوخېنزوللېرن خاندانلىقىنى تىرىلدۈرۈش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

خولت

  • خولت[يەشمىسى:]Edwin Bissell Holt، 6491 - 3781) ئامېرىكا پسىخولوگى، پەيلاسوپى. يېڭى چىنلىق نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى. 1901-يىلى خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. ئانا مەكتىپىدە ۋە پرىنىستون داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. پان ئوبيېكتىپچىلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، ماتېرىيالىزملىق ئىنكاس نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغان. تۇيغۇ، سەزگۈ، تەسەۋۋۇر ۋە ئۇقۇملارنىڭ چىن ياكى يالغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەت دەپ قارىغان. رېئال نەرسىنى خىيالىي نەرسە بىلەن بىر قاتارغا قويۇپ، ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە ئوتتۇرىسىدىكى تۈپ پەرقنى يوققا چىقارغان؛ نىسپىيچىلىك ۋە سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزمنى تەرغىپ قىلغان. «ئاڭ ھەققىدىكى ئۇقۇم»، «خاتا تۇيغۇ تەجرىبىسىنىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى ئورنى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

خولستېن

  • خولستېن[يەشمىسى:]Von Holstein Friedrih،9091 - 7381) گېرمانىيىنىڭ دىپلوماتىك ئەمەلدارى. بيۇروكرات پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا بېرلىن داشۆسىدە ئوقۇغان. بىسمارك بىلەن روسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ھەم بىسماركنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. دانىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بىسماركنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەكىلى سۈپىتىدە لوندون يىغىنىغا قاتنىشىپ، دانىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئارىلاشقان. 7681 - 5681-يىللىرى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى فرانسىيىنى ئومۇميۈزلۈك يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن ئىتالىيە بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل بولغان ۋە ئۇنىڭدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. 6781 - 1781-يىللىرى فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1878-يىلدىن باشلاپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ بىسماركنىڭ تاشقى سىياسەت تۈزۈشتىكى كۈچلۈك ياردەمچىسى بولۇپ قالغان. كېيىن روسىيىگە قارىتىلغان تاشقى سىياسەت جەھەتتە بىسمارك بىلەن پىكىر ئىختىلاپى تۇغۇلۇپ، بارا-بارا كېلىشەلمەي قالغان. بىسمارك ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن، گېرمانىيىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى جىددىيلەشتۈرگەن. كېيىن 1-قېتىملىق مەراكەش كرىزىسىدە (6091 - 5091) ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئۇرۇنغاندا مەغلۇپ بولغان. 1906-يىلى 4-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

خولىيە قوزغىلىڭى

  • خولىيە قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] يەنى «ترانسىلۋانىيە دېھقانلار قوزغىلىڭى».

خونتا كوتارو

  • خونتا كوتارو[يەشمىسى:]1870 — 1954) ياپونىيە فىزىكا ئالىمى، فىزىكا پەنلىرى دوكتورى. 1892-يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن. گېرمانىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇغان. 1911-يىلى شەرقىي شىمال ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، فىزىكىلىق مېتاللورگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1916-يىلى مەزكۇر مەكتەپتە ۋاقىتلىق فىزىكا-خىمىيە تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلىپ، كۈچلۈك ماگنىتلىق پولات، KS تىپلىق پولاتنى ئىجاد قىلغان. 0491 - 1391-يىللىرى شەرقىي شىمال ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان، 3491 - 0491-يىللىرى توكيو تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1937-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك مەدەنىيەت ئوردېنىغا ئېرىشكەن.

خونجۇيو ئوسامورۇ

  • خونجۇيو ئوسامورۇ[يەشمىسى:]3791 - 8881) ياپونىيىلىك ئىقتىسادىي تارىخشۇناس، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى. 1913-يىلى پايتەخت ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1920-يىلى ياۋروپا، ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇغان. 1923-يىلى پايتەخت ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1948-يىلى ياپونىيە ئالىملار يۇرتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1955-يىلى ئوساكا فۇلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد ئىلمى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. كېيىن ئوساكا سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. «ياپونىيە ئىجتىمائىي تارىخى»، «ياپونىيە ئىجتىمائىي ئىقتىساد تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. كېيىن 10 توملۇق «خونجۇيو ئوسامورۇ ئەسەرلىرى توپلىمى» نەشىر قىلىنغان.

خوئوۋېر

  • خوئوۋېر[يەشمىسى:]1) ھېربېرت كلارك خوئوۋېر (Herbert Clark Hoover، 1874 — 1964). ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (3391-9291). جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن. 1895-يىلى ستامفورد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن كان ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئاۋسترالىيە، جۇڭگو، ئافرىقا، ئوتتۇرا جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە روسىيىدە كانچىلىق ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان. 1291 - 4191-يىللىرى چەت ئەلنىڭ ھەر خىل قۇتقۇزۇش كومىتېتى ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاشلىق ئورگانلىرىدا ئىشلىگەن. 8291 - 1291-يىللىرى سودا مىنىستىرى بولغان. 1928-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىللىرى ئېغىر ئىقتىسادىي بوھرانغا دۇچ كەلگەندە جىددىي قۇتقۇزۇش قانۇنىنى ماقۇللاپ، شتات ئامانەت-قەرز بانكىسى، قوشما شتات يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كرىدىت شىركىتى قۇرۇپ، تاموژنا بېجى نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن دېگەندەك ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەن. «ياردەم پۇلى تەلەپ قىلغۇچىلار» نى باستۇرغان. سىرتقا قارىتا خەلقئارالىق قەرز پۇلنى كېچىكتۈرۈپ تۆلەشتىن ئىبارەت «خوئوۋېر پىلانى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. 1930-يىلى لوندون دېڭىز ئارمىيىسى يىغىنىدا دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي تەييارلىقلار مەسىلىسىدە ئەنگلىيە ۋە ياپونىيە بىلەن ۋاقىتلىق مۇرەسسەگە كەلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن «خوئوۋېر كومىتېتى» نىڭ رەئىسى بولغان (1947 — 1949، 1953 — 1955) ۋە سەھىيە، مائارىپ ۋە پاراۋانلىق مىنىستىرلىكى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ غەربىي ياۋروپادىن چېكىنىپ چىقىشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ «ئەسلىمە» قاتارلىق كىتابلىرى بار. (2) جون ئېدگار خوئوۋېر (John Edgar Hoover، 2791 - 5981) ئامېرىكا قوشما شتات تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى (1924 — 1972). ئىلگىرى پارلامېنت كۇتۇپخانىسىدا ئىشلىگەن، ۋاشىنگتون داشۆسىنىڭ كەچ كۇرسىدا ئوقۇپ، قانۇنچىلىق بويىچە باكلاۋىر ۋە ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانغائېرىشكەن.1917-يىلى ئەدلىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ياللىنىپ ئارخىپ تەكشۈرگۈچى بولۇپ ئىشلىگەن، ئىككى يىلدىن كېيىن ئامېرىكا باش تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، 60 مىڭ ئادەمنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، «پالمېرو تۇتقۇنى» ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. ئەدلىيە مىنىستىرلىكىدە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىللىرى ئىدارە ئورگانلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن، مەركىزىي بارماق ئىزىنى ساقلاش ئورنى، جىنايەت تەجرىبىخانىسى قۇرغان، مەملىكەتلىك ئالدامچىلىق قىلمىشى ئارخىپى، ماشىنىستلار ئارخىپى ۋە ماشىنا-ئاپتوموبىللارنىڭ نومۇرىنى ئالماشتۇرۇش جەدۋىلى قاتارلىق ئالاھىدە تەشكىلاتلارنى تەشكىللىگەن ۋە تۈزۈم ئورناتقان. تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىسمىنى قوشما شتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى قىلىپ ئۆزگەرتكەن. 1939-يىلى زۇڭتۇڭنىڭ ھاۋالە قىلىشى بىلەن خەۋپسىزلىك ۋە جاسۇسلارغا قارشى تۇرۇش پىلانىنى يۈرگۈزگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن «قوشما شتاتقا سادىقلىقنى تەكشۈرۈش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىپ، ئىلغار زاتلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، كوممۇنىستلارنى باستۇرغان. ئۇنىڭ «ئالدامچىلىق ماھىرى»، «كوممۇنىزم توغرىسىدا تەتقىقات» (يەنە بىر ئىسمى «خوئوۋېرنىڭ كوممۇنىزمى توغرىسىدا») قاتارلىق كىتابلىرى بار.

خوۋسې

  • خوۋسې[يەشمىسى:]Edward Mandell House، 8391 - 8581) ئامېرىكا ئەمەلدارى. كورنېلل داشۆسىدە ئوقۇغان. كېيىن ئاتىسىنىڭ كېۋەز ئېكىنزارلىقى ۋە بانكىسىغا ۋارىسلىق قىلغان. تېكساس شتاتىنىڭ باشلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغاچقا، «پولكوۋنىك خوۋسې» دەپ تەرىپلەنگەن. 9191 - 2191-يىللاردا ۋېلسۇن زۇڭتۇڭنىڭ مەسلىھەتچىسى ھەمدە زۇڭتۇڭ بىلەن كارخانا، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئالاقە تۈگۈنى بولغان. 1917-يىلى ۋېلسۇننىڭ «14 نۇقتىلىق پىلان» نى تۈزۈشكە قاتناشقان. كېيىن ئامېرىكىنىڭ پارىژ تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغان بەش كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولغان ۋە «خەلقئارا ئىتتىپاق ئەھدىنامىسى» ھەم مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمىنى بەلگىلەشكە تىرىشقان. ۋېلسۇن مېڭىسىگە قان چۈشكەندىن كېيىن كېڭەش پالاتاسى بىلەن مۇرەسسەلىشىپ ئۇنىڭغا «خەلقئارا ئىتتىپاق ئەھدىنامىسى» نى تەستىقلاتماقچى بولغاندا، ۋېلسۇن ئۇنى رەت قىلغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. 1932-يىلى روزۋېلتنىڭ زۇڭتۇڭ سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىشقا مەدەت بەرگەن. «پولكوۋنىك خوۋسېنىڭ مەخپىي خاتىرىسى» دېگەن ئەسىرى بار.

خۇاڭ خۇاتەن

  • خۇاڭ خۇاتەن[يەشمىسى:]1857 — 1913) ۋيېتنامدىكى ئەنشى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى. ئەسلى ئىسمى جاڭ ۋېنتەن، ياللانما دېھقاندىن كېلىپ چىققان. قوزغىلاڭدىن كېيىن ئۆزىنى باش بۇغ دەپ ئاتىغاچقا تىشەن دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ پادىشاھقا خىزمەت قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1892-يىلدىن تارتىپ ئەنشى رايونىدىكى دېھقانلارنىڭ پارتىزانلىق ھەرىكىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن 30 يىلغا يېقىن كۈرەش قىلغان. جۇڭگودىكى قارا بايراق قوشۇنى ۋە سۇن جۇڭشەن رەھبەرلىك قىلغان ئىنقىلابىي ھەرىكەت بىلەن ئالاقە باغلىغان. 1913-يىلى 2-ئايدا ساتقىنلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

خۇاڭ سىيۇڭ

  • خۇاڭ سىيۇڭ[يەشمىسى:]1775 — 1801) چاۋشيەن لى سۇلالىسى مەزگىلىدىكى كاتولىك مۇرىتى. ئىسمى دېشاۋ. دېڭ رويۇڭنىڭ جىيەن كۈيئوغلى. 16 يېشىدا تەشرىپدار بولغان. كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. جۇڭگولۇق پوپ جۇۋېنمونى ئۇستاز تۇتقان، مۇرىتلىق نامى ئالېكساندر. 1801-يىلى شىنيۇدىن ۋەقەسىدە تىچۇەندىكى جۇلۇندا ئۆلگەن. بېيجىڭدىكى كاتولىك دىنى ئېپىسكوپى ئالېكساندر دې گوۋېئا (Alexandre de Gouvea،؟ - 8081) گە خەت يېزىپ، چاۋشيەندىكى كاتولىك دىنىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، مۇرىتلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش پاجىئەسىنى، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ چەتنىڭ كۈچىگە تايىنىپ چاۋشيەندە دىن تارقىتىش پىلانى قاتارلىقلارنى بايان قىلغان. بۇ ئىش ئاشكارىلىنىپ قېلىپ قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى 11-ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن.

خۇاڭمۇجىنفۇ (ئاراكى سادافۇ)

  • خۇاڭمۇجىنفۇ (ئاراكى سادافۇ)[يەشمىسى:]1877 — 1966) ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرالى، ئۇرۇش جىنايەتچىسى. 1907-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. ژاندارمىلار قوماندانى ۋە باش شتاب ئۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنىڭ مۇدىرى، مائارىپ باش تەپتىشىنىڭ باشلىقى بولغان. 18-سېنتەبر ۋەقەسىدىن كېيىن، 1931-يىل 12-ئايدىن 1934-يىل 1-ئايغىچە ئىنۇكاي، ساكاتافۇجى ئىككى نۆۋەتلىك كابىنېتنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 28-يانۋار ۋەقەسى مەزگىلىدە، بىرقانچە قېتىم ئەسكەر كۆپەيتىپ شاڭخەيگە ھۇجۇم قىلغان، سوۋېت ئىتتىپاقىغا، كومپارتىيىگە قارشى تۇرۇشنى، پادىشاھپەرەسلىكنى تەرغىپ قىلغان. ماگاساكى سىگېسابورو بىلەن بىللە مونارخىستلارنىڭ باشلىقى بولغان. 7-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، 1938-يىلى 5-ئايدىن 1939-يىلى 8-ئايغىچە چىكامامورۇ، خىرانودىن ئىبارەت ئىككى نۆۋەتلىك كابىنېتتا مەدەنىيەت ۋەزىرى بولۇپ، ئىدىيىۋى كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن. ئۇلۇغ ئوكيان ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شىمالغا ئىلگىرىلەپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ياپون تەسلىم بولغاندىن كېيىن، بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى قاتارىدا قولغا ئېلىنىپ، 1948-يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوت تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1955-يىلى تۈرمىدىن كېپىلگە بېرىلگەن.

خۇبېرتۇسبۇرگ سۈلھ شەرتنامىسى

  • خۇبېرتۇسبۇرگ سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] 1763-يىلى پرۇسسىيە ئاۋسترىيە، ساكسېن بىلەن خۇبېرتۇسبۇرگ (Hubertusburg) دا ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسى. يەتتە يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە (1756 — 1763)، ئەنگلىيە، پرۇسسىيە بىر تەرەپ، فرانسىيە، روسىيە، ئاۋسترىيە يەنە بىر تەرەپ بولۇپ ئۇرۇشقان. دەسلەپ پرۇسسىيە ئارمىيىسى ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنى يەڭگەن. 1757-يىلى روسىيە ئارمىيىسى شەرقىي پرۇسسىيىگە ھۇجۇم قىلغان. 1760-يىلى بىر مەھەل بېرلىننى ئىشغال قىلىپ، پرۇسسىيىنى ھالاكەت گىردابىغا كەلتۈرۈپ قويغان. لېكىن، 1762-يىلى چار پادىشاھ پېتر Ⅲ تەختكە چىقىپ پرۇسسىيىگە يان باسىدىغان سىياسەتنى يولغا قويۇپ، پرۇسسىيىنى سىياسىي، ھەربىي بوھراندىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فرانسىيە ئۇرۇش داۋامىدا مالىيەسى قۇرۇقدىلىپ، ئاۋسترىيە بىلەن ساكسېنغا ياردەم بېرىشكە ئىلاجسىز قېلىپ، ئاخىر 1763-يىلى مەزكۇر شەرتنامىگە ئىمزا قويغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، پرۇسسىيە سىتسىلىيىدىكى ئىگىدارچىلىقىنى ساقلاپ قېلىش، لېكىن مارىيە تېرېسانىڭ ئوغلى يوسېفنىڭ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھلىقىغا سايلىنىشىنى قوللىشى بەلگىلەنگەن.

خۇتتېن

  • خۇتتېن[يەشمىسى:]Ulrich Von Hutten، 1488 — 1523) گېرمانىيىلىك گۇمانىزمچى. رىتسارلىقتىن كېلىپ چىققان. ئىلگىرى موناستىرغا كىرگەن. كېيىن ياش گۇمانىزمچىلار تەشكىلاتىغا قاتناشقان. ساتىرىك ئەسەر «ئەخمەقنىڭ مەكتۇپى» نىڭ ئاساسلىق ئاپتورلىرىنىڭ بىرى. ئەسەردە مەدرىس پەلسەپىسىنىڭ بىمەنىلىكى ۋە مىسسىئونېرلارنىڭ شاللاقلىقى ئېچىپ تاشلانغان. گۇمانىزم مەيدانىدا تۇرۇپ ئەقىل-پاراسەت ۋە ئىلىمنىڭ كۈچىگە ئىشەنگەن، كىشىلەرنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقىغا ئەھمىيەت بەرگەن. دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى داۋامىدا مارتىن لۇتېرنى قوللاپ، رىم پاپاسى ۋە گېرمانىيە بەگ-خوجىلىرىغا قارشى چىققان، رىتسارلارنى تۈۋرۈك قىلغان ھوقۇق مەركەزلەشكەن پادىشاھلىق دۆلەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىسكىنگېن رەھبەرلىكىدىكى رىتسارلار توپىلىڭىغا (1522 — 1523) قاتناشقان، توپىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن شۋېتسارىيىگە قېچىپ كەتكەن، كېيىن سيۇرىختا ئۆلگەن.

خۇجىلى

  • خۇجىلى[يەشمىسى:]1336—1407) ۋيېتنام خۇ سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئاتا-بوۋىسى جۇڭگو جېجياڭلىق بولۇپ، Ⅹ ئەسىردە ۋيېتنامغا كۆچۈپ بارغان، تۆتىنچى ئەۋلاد بوۋىسىنى لى شۈن بېقىۋالغانلىقتىن، فامىلىسى لى بولۇپ قالغان، شۇڭا لى جىلى دەپمۇ ئاتالغان. خانىكىنىڭ شىرەم تۇغقىنى. 1387-يىلى مۇئەككەللىككە تەيىنلەنگەن، 1395-يىلى يانداش خەلپەت بەگلىكىگە، ساداقەتمەن پاسىبان خان دېگەن نامغا ئىگە بولۇپ، بارا-بارا چوڭ ھوقۇقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. 1400-يىلى چېننىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، يىلنامىسىنى شىڭ يۇەنگە، دۆلەت نامىنى دايۈگە ئۆزگەرتكەن، خۇ فامىلىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خۇ سۇلالىسىنى قۇرغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە تەختىنى ئوغلى خەنساڭغا بېرىپ، ئۆزى شاھىنشاھ بولۇپ، بىرلىكتە ھاكىمىيەت سورىغان. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋە تەختكە چىققان مەزگىللىرى ئىچكى جەھەتتە چىن سۇلالىسىنىڭ كۈچلىرىگە رەھىمسىزلىك بىلەن زەربە بېرىپ، «تېرىلغۇ يەرلەرنى چەكلەش» ۋە «قۇللارنى چەكلەش» سىياسىتىنى يولغا قويغان، باجنى دارامەتكە قاراپ ئالغان، شۇنىڭدەك پۇل تارقىتىپ، ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، يول، ئۆستەڭلەرنى ياسىغان. سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق يۈرگۈزۈپ، زېمىنىنى ھازىرقى گۇاڭنەن، گۇاڭيى رايونلىرىغىچە كېڭەيتكەن. 1407- يىلى جۇڭگو مىڭ سۇلالىسى تەختىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋيېتنام چىن سۇلالىسى خان جەمەتىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئەسكەر چىقىرىپ خۇ سۇلالىسىنى يوقاتقان ۋە خۇجىلىنى ئەسىرگە ئېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

خۇزىستان نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى

  • خۇزىستان نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى[يەشمىسى:] 1946-يىلى 7-ئايدا يۈز بەرگەن ئىراننىڭ خۇزىستاندىكى ئەنگلىيە-ئىران نېفىت شىركىتى كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى ئومۇمىي ئىش تاشلىشى. بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىران ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەرىكىتىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق سىياسىي خاراكتېرلىك چوڭ ئىش تاشلاش ھېسابلىنىدۇ. ئىش تاشلاشقا تەخمىنەن 100 مىڭدەك ئادەم قاتناشقان. ئىش تاشلىغۇچىلار ئەنگلىيە شىركىتىنىڭ ئىراننىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىپ، شىركەت سىياسىي باشقارمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، شىركەتنى ساپ سودا شىركىتىگە ئايلاندۇرۇشنى، شىركەتنىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرغۇچىسى مەسىخاباۋازىمىنى خۇزىستاننىڭ باش ۋالىيلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى، ئىران ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان ئەمگەك قانۇنىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە كۆپلىگەن ئىقتىسادىي تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەنگلىيە-ئىران شىركىتى ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شۇ قېتىمقى ئىش تاشلاشقا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ۋە ئۇنى باستۇرغان. 1951-يىلى 4-ئايغا كەلگەندە ھۆكۈمەت ئىران ئىشچىلىرىنىڭ قىسمەن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەلەپلىرىنى قاندۇرغاندىن كېيىنلا ئىش تاشلاش ئاياغلاشقان.

خۇزىمىن

  • خۇزىمىن[يەشمىسى:]1890 — 1969) ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى (1945 — 1969)، ۋيېتنام ئەمگەك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى (1951 — 1969). ئەسلى ئىسمى رۇەن بېيچىڭ، ئىلگىرى ئىنقىلابىي پائالىيەتلرەدە رۇەن ئەيگۇ دېگەن ئىسىمنى قوللانغان، كېيىن ئىسمىنى خۇزىمىنغا ئۆزگەرتكەن. يىئەن ئۆلكىسى نەنتەن ناھىيىسى، جىنلەنسۇن يېزىسىدىن بولۇپ، ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئىلگىرى دېڭىزچى بولغان. 1920-يىلى فرانسىيىدە كوممۇنىستىك پارتىيىگە كىرىپ، ۋيېتنامدىكى تۇنجى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولغان. 1923-يىلى فرانسىيىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، خەلقئارا دېھقانلار قۇرۇلتىيى ۋە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 5-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1925-يىلى جۇڭگوغا كېلىپ گۇاڭجۇدا «ۋيېتنام ياش ئىنقىلابىي سەپداشلار جەمئىيىتى» نى قۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە «يىراق شەرق ئېزىلگۈچى مىللەتلەر ئىتتىپاقى» نى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1930-يىلى ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان (كېيىن بۇ پارتىيىنىڭ ئىسمى ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن). ياپونىيە ھىندىچىنىغا تاجاۋۇز قىلغان مەزگىللىرى، 1941-يىلى مىللىي ئازادلىق بىرلىك سەپ تەشكىلاتى — «ۋيېتنام مۇستەقىللىك ئىتتىپاقى» نى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە رەئىسلىككە سايلىنىپ، ۋيېتنام خەلقىنىڭ فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى ھەم ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1945-يىلى ئاۋغۇست ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1946-يىلى 3-ئايدا ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.1951-يىلى 2-ئايدا ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋيېتنام ئەمگەك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغان. 1945 — 1954-يىللىرى ۋيېتنام خەلقىنىڭ 9 يىل داۋام قىلغان فرانسىيىگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. 60-يىللاردا يەنە ۋيېتنام خەلقىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ۋە كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان.

خۇزىمىن جېڭى

  • خۇزىمىن جېڭى[يەشمىسى:] يەنى «سايگون جېڭى».

خۇس

  • خۇس[يەشمىسى:]Jan Hus، تەخمىنەن 1369 — 1415) چېخلىق ۋەتەنپەرۋەر ۋە دىنىي ئىسلاھاتچى. چېخ (بوخېمىيە) نىڭ جەنۇبىدىكى خۇسنېس (Husines) بازىرىدىكى بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1393-يىلى پراگا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1396-يىلى ماگېستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1402 — 1403-يىللىرى پراگا داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1402-يىلدىن باشلاپ پراگا بېتخېخېم چېركاۋىنىڭ مىسسىئونېرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئەنگلىيىنىڭ دىنىي ئىسلاھاتچىسى ۋىكلىۋىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۇنىڭدىنمۇ رادىكالراق بولغان. دىن تارقاتقان دەسلەپكى مەزگىللىرى چېركاۋلىرىنىڭ (چېخ چېركاۋلىرى جەمئىيىتى ئاساسەن گېرمانىيە مىسسىئونېرلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان) يەر ئىگىلىۋېلىشىغا قارشى چىققان، شۇڭا شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى چېخ كورۇلى ۋاسلاۋ Ⅳ نىڭ قوغدىشىغىمۇ ئېرىشكەن. 1412-يىلى، خۇس ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى پاپا جون ⅩⅩⅢ (JohnⅩⅩⅢ، 1410 — 1415-يىللىرىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ چېختا گۇناھىنى ساقىت قىلىش چېكى ساتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن، شۇنداق قىلىپ، چېركاۋ بىلەن بولغان توقۇنۇشى كەسكىنلەشكەن. ۋاسلاۋ Ⅳ چېركاۋغا يان بېسىپ، خۇسنى پراگادىن قوغلاپ چىقارغان. خۇس چېخنىڭ جەنۇبىدىكى بىر يېزىغا بېرىپ دىن تارقىتىپ، كاتولىك چېركاۋىنىڭ چىرىكلىشىپ كەتكەنلىكىنى ۋە جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىكنى ئاشكارىلىغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ماقالە يېزىپ، چېركاۋغا زەربە بەرگەن ھەم «ئىنجىل» نى چېخ تىلىغا تەرجىمە قىلغان. 1414-يىلى كونستانتىن دىنى يىغىنىغا خۇس قاتناشتۇرۇلغان ۋە بىدئەت دەپ ئەيىبلەنگەن. 1415-يىل 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن. خۇسنىڭ ئۆلۈمى چېخ خەلقىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغاپ، خۇس ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىنى تېزلەتكەن.

خۇسراۋⅠ

  • خۇسراۋⅠ[يەشمىسى:]Khosrow، ؟ — 579) ئىران ساسانىلار خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (531— 579). ۋىزانتىيىلىكلەر كوسلوئىس Ⅰ دەپ ئاتىغان. لەقىمى «نوشىرۋان ئادىل» («Anushirvan، قىممەتلىك روھ» دېگەن مەنىدە) كەيقوباد Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختكە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى، مىلادى 529-يىلى مازداك قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىسلاھات ئېلىپ بارغان؛ مەركىزىي ئەمەلدارلىق ئاپپاراتىنى ۋە مەمۇرىي سىستېمىنى تەرتىپكە سالغان؛ پۈتۈن مەملىكەتنى ئاسسۇرىيە، مېدىيە، پېرسىيە ۋە باكتىرىيىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ مەمۇرىي رايونغا ئايرىپ، ئۇنىڭ ھەر بىرىگە باش ۋالىي قويۇپ، پادىشاھقا بىۋاسىتە قارايدىغان قىلغان؛ يەرلەرنىڭ كۆلىمىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مۇقىم يەر بېجى بەلگىلىگەن؛ تۆمۈر ساۋۇتلۇق ئاتلىق ئەسكەرلەرنى بەرپا قىلىپ، ئۇنى پىيادە ئەسكەرلەر بىلەن بىللە ھەربىي كۈچىنىڭ ئاساسى قىلغان؛ قول سانائەت ۋە سودىنى قوغدىغان، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەتنى رىغبەتلەندۈرگەن، چوڭ قۇرۇلۇشلارنى سالدۇرغان. 567-يىلى تۈركلەر بىلەن بىرلىشىپ ئېفتالىتلارنى يوقىتىپ، خوراسان رايونىنى قايتۇرۇۋالغان؛ غەربتە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن قايتا-قايتا ئۇرۇشۇپ تۇرغان. 540-يىلى سۈرىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئانتىيوك شەھىرىنى خانىۋەيران قىلىۋەتكەن. 572-يىلى ئېفىئوپىيىلىكلەرنى يەمەندىن قوغلاپ چىقارغان، بۇ چاغدا ساسانىلار سۇلالىسى راسا روناق تاپقان.

خۇسكا

  • خۇسكا[يەشمىسى:]Houska، ؟ — 1421) چېخ خۇس ھەرىكىتىدىكى تابورچىلارنىڭ سول قانات رەھبىرى. فېئوداللىق تۈزۈم ۋە كاتولىك چېركاۋىغا قارشى چىقىپلا قالماستىن، بەلكى خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى بىكار قىلىشنى، بارلىق ھاكىمىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، شۇڭا تابورچىلارنىڭ ئوڭ قانات رەھبىرى جون گېشكا ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ تۇغۇلغان. 1421-يىلى 4-ئايدا، خۇسكا ئۆز ھەمراھلىرى بىلەن تابور شەھىرىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان؛ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، فېئوداللار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

خۇس ئۇرۇشى

  • خۇس ئۇرۇشى[يەشمىسى:]«خۇس ھەرىكىتى» گە قارالسۇن.

خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك

  • خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك[يەشمىسى:]ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى خۇسۇسىيلارنىڭ ئۆزلەشتۈرۈش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ پەيدا بولۇشى ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە، ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئۇنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، مېتال قورال-جابدۇقلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئەمگەك ئىش تەقسىماتى راۋاجلىنىپ، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى روشەن ھالدا ئۆسكەن. ئېشىنچە مەھسۇلات كۈنسېرى كۆپىيىپ بارغان. پاترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى ئائىلە شۇنداقلا يەككە ئائىلە ئىگىلىكى مەيدانغا كېلىش بىلەن خۇسۇسىي مۈلۈك-چىلىكمۇ بارلىققا كەلگەن؛ تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە كېڭەيتىلىشى، ئۆز نۆۋىتىدە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ تىكلىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى تېزلەتكەن. ئاۋۋال ئىشلەپچىقىرىش قورال-جابدۇقلىرى، ھەربىي قوراللار ۋە ئۆزلىرى ئېلىپ يۈرىدىغان بۇيۇملار، كېيىن چارۋا پادىلىرى، قۇللار ۋە ئۆي-ئىمارەت، تۇرار جاي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى باغ-ۋارانلار، ئاخىرىدا يەرمۇ خۇسۇسىي مال-مۈلۈككە ئايلانغان. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ئاساسەن ئىككى تىپقا بۆلۈنىدۇ: يەككە (دېھقانلار ۋە مۇستەقىل قول ھۈنەرۋەنلەر) ئەمگەكنى ئاساس قىلىدىغان ئۇششاق خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنى ئاساس قىلىدىغان ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلارنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكىدىن ئىبارەت. كېيىنكىسى تارىختا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئاساسلىقى قۇللۇق تۈزۈم، فېئوداللىق تۈزۈم ۋە كاپىتالىزم-دىن ئىبارەت ئۈچ خىل شەكىل بارلىققا كەلگەن؛ كاپىتالىزم — خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئالىي ھەمدە ئاخىرقى بىر خىل شەكلى. ئۈچ خىل خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ ئورتاق نۇقتىسى — ئاز سانلىق ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچىلار ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، مۇتلەق كۆپ سانلىق ئەمگەكچىلەرنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدۇ. بىراق ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ئۇسۇلى بىر-بىرىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ: قۇللۇق تۈزۈمدە، قۇلدارلار ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن قۇللارنىڭ ئۆزىنىمۇ ئىگىلىۋالغان بولىدۇ؛ فېئوداللىق تۈزۈمدە فېئوداللار ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىگىلىۋېلىش بىلەن ئەمگەكچىلەرنى تولۇق ئىگىلىۋالمىغان بولىدۇ؛ كاپىتالىستىك مۈلۈكچىلىكىدە، كاپىتالىستلار ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىگىلەيدۇ، ئەركىن ئەمگەك كۈچىنى سېتىپ تۇرمۇش ئۆتكۈزىدىغان ياللانما ئىشچىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدۇ. بۇ پەرقلەر جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئىپتىدائىي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكىنىڭ ئورنىنى خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكىنىڭ ئىگىلىشى تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدىكى بىر ئىلگىرىلەش، جۈملىدىن جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى بىر قېتىملىق سەكرەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك سىنىپ ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مەنبە بولۇپ، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا سىنىپىي جەمئىيەتتىكى بارلىق جىنايەتنىڭ مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى يوقىتىش، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ئورنىغا پەيدىنپەي سوتسىيالىستىك، كوممۇنىزملىق ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى دەسسىتىش پرولېتارىيات سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خۇسۇسىي يەر

  • خۇسۇسىي يەر[يەشمىسى:] ياپونىيە خەيئەن دەۋرىدىكى ئۈلۈشلۈك يەر تۈزۈمى يىمىرىلىش جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن خۇسۇسىي يەر. يەر ئىگىلىرى ئۆز نامىغا تىزىملاتقان يەرلەر خۇسۇسىي يەر دەپ ئاتالغان. شۇ چاغدىكى پۈتۈن مەملىكەت تېرىلغۇ يېرىنىڭ زور قىسمىنى ئىگىلىگەنلىكتىن، ئاساسلىق يەر تۈزۈمى بولۇپ قالغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن كېيىن، پايتەخت رايونىدا خۇسۇسىي يەرلەرنى ئەركىن ئېلىپ-سېتىشقا يول قويۇلغان. تويوتومى، ھىدېيوشى «يەر ئۆلچەش» نى يولغا قويغاندا، خۇسۇسىي يەرلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يەر يېڭىباشتىن رويخەتكە ئېلىنغان.

خۇسۇسىي يەر ئىگىلىرى

  • خۇسۇسىي يەر ئىگىلىرى[يەشمىسى:] ياپونىيىدە خەيئەننىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدىن مۇرۇماچىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىگىچە بولغان خۇسۇسىي يەر ئىگىلىرى. ئۈلۈشلۈك يەر تۈزۈمى يىمىرىلىش جەريانىدا، يەر ئىگىلىرى ئۆز نامىغا يەر تىزىملاتقانلىقتىن، خۇسۇسىي يەر ئىگىلىرى دەپ ئاتالغان. بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىنەم يەر ۋە سۇنغان پۇقرالارنىڭ يەرلىرىنى قوشۇپ ئالغانلار، بەزىلىرى ئائىلە ئەزالىرى ئۆزلىرى ئازراق يەر تېرىپ، ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلاردىن ئىبارەت، بەزىلىرى بولسا، بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلەردىن ئىبارەت. بۇلار دۆلەتكە باج-سېلىق تاپشۇرۇش ۋە ھاشارنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولۇپ، يېزىدا ئىمتىيازلىق ئورۇندىن بەھرىمەن بولغان. تويوتومى، ھىدېيوشى «يەر ئۆلچەش» نى يولغا قويغاندىن كېيىن، خۇسۇسىي يەرلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئېدۇ شوگونلوقى مەزگىلىدە، كانتودا خۇسۇسىي يەر ئىگىلىرى دېيىلگەنلەر يېزا باشلىقلىرى (كانسايدا شويا دېيىلەتتى) بولۇپ، بۇلار ئەمر-پەرمانلارنى يەتكۈزۈش، يىللىق باج-سېلىقنى يىغىشقا مەسئۇل بولغان.

خۇس ھەرىكىتى

  • خۇس ھەرىكىتى[يەشمىسى:]ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى چېخ خەلقىنىڭ كاتولىك چېركاۋلىرى ۋە فېئوداللىق ئىكسپىلاتاتسىيىگە، شۇنىڭدەك گېرمانىيە مۇستەملىكە كۈچلىرىگە قارشى ئىنقىلابىي ھەرىكىتى. نامى چېخ ۋەتەنپەرۋەرى خۇسنىڭ نامىدىن كەلگەن. ⅩⅣئەسىردە چېخنىڭ قول سانائىتى، بولۇپمۇ كانچىلىق ئىشلىرى تەرەققىي تېپىپ، شەھەرلىرى گۈللەنگەن، تاۋار، پۇل مۇناسىۋىتى يېزىلارغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان. لېكىن ئىقتىسادىي جان تومۇرى نېمىسلارنىڭ قولىدا بولۇپ، كاتولىك چېركاۋلىرى چېخنىڭ پۈتۈن يەر مۈلكىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەك قىسمىنى ئىگىلىۋالغان، يۇقىرى دەرىجىلىك مىسسىئونېرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نېمىسلاردىن بولغان. گېرمانىيىنىڭ دەھرىي فېئوداللىرى چېختا كەڭرى يەرلەرنى ئىگىلىۋالغان. چېختىكى شەھەر ۋە كانلارنى گېرمانىيە شەھەرلىرىدىكى ئاقسۆڭەكلەر چاڭ-گىلىغا كىرگۈزۈۋالغان. شۇڭا،ⅩⅤ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چېختىكى سىنىپىي زىددىيەت ۋە مىللىي زىددىيەت مۇرەككەپلىشىپ، ئاخىرى خۇس باشچىلىقىدىكى كەڭ كۆلەملىك ئىنقىلابىي ھەرىكەت كۆتۈرۈلگەن. بۇ ھەرىكەتنىڭ تىغ ئۇچى دەسلەپ كاتولىك چېركاۋلىرىغا قارىتىلغان. 1415-يىلى خۇس ئۆلگەندىن كېيىن، ھەرىكەت تېخىمۇ كەڭ قانات يايغان. ھەرىكەتكە قاتناشقۇچىلار ئۆزىنى خۇس پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى دەپ ئاتىغان. 1419-يىلى پراگا خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن خۇس ھەرىكىتى خۇس ئۇرۇشىغا تەرەققىي قىلغان (1419 — 1431). خۇس پارتىيىسىدىكىلەر ئىككى چوڭ مەزھەپكە بۆلۈنۈپ كەتكەن، شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن ئوتتۇرا، ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەر كالىش مەزھىپىگە، دېھقانلار بىلەن شەھەر خەلقلىرى تابور مەزھىپىگە مەنسۇپ بولغان. 1420 — 1431-يىللىرى تابور ئارمىيىسى پاپا ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى سىگسىموندنىڭ چېخقا قارىتا ئېلىپ بارغان ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسىنىڭ بەش قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. كېيىن كالىش مەزھىپى دۈشمەن بىلەن مۇرەسسە قىلىشقا ئۆتكەن («پراگا كېلىشىمى» گە قارالسۇن)، 1434-يىلى لىپان جېڭىدە ئەسلىدىكى ئىتتىپاقچى تابورچىلارنى مەغلۇپ قىلغان. 1437-يىلى خۇس ھەرىكىتى ئاخىر مەغلۇپ بولغان. لېكىن چېخ تارىخىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ⅩⅥ ئەسىردىكى ياۋروپا دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

خۇك

  • خۇك[يەشمىسى:] فىلىپپىن تاگالوچە Huk نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. فىلىپپىن خەلقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى تۇرغان ئارمىيىسىنىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى.

خۇگ كاپې

  • خۇگ كاپې[يەشمىسى:]Hugh capet، تەخمىنەن 938 — 996)فرانسىيە كورۇلى (987 — 996). كاپې سۇلالىسىنى قۇرغۇچى. مىلادى 956-يىلى دادىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، فران-ك كىنەزى بولغان. 987-يىلى، غەربىي فرانك پادىشاھلىقى كارولىن خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى لۇئى Ⅴ (Louis Vle Faineant، 968 — 987-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ئۆلگەندىن كېيىن، تەقۋادار ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن كورۇل قىلىپ تىكلەنگەن. تەختتىكى مەزگىلىدە پادىشاھلىق ھوقۇقى خان جەمەتى زېمىنى دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت فېئودال تەپرىقە ھالەتتە تۇرغان.

خۇگېس

  • خۇگېس[يەشمىسى:]Charles Evans Hughes، 1862 — 1948) ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ باش سوتچىسى (1930 — 1941). جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن. 1881-ۋە 1884-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بىلان ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. كوننىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇنشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. 1906 — 1910-يىللىرى نيۇ-يورك شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1910-يىلى ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ مۇئاۋىن سوتچىسى بولغان. 1916-يىلى ئىستېپا بەرگەن. زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئادۋوكات بولغان. 1921 — 1925-يىللىرى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولۇپ، ۋاشىنگتون دېڭىز ئارمىيىسى ئارمىيىنى قىسقارتىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. 1930-يىلى ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ باش سوتچىسى بولغان. ئىجتىمائىي ئىسلاھاتقا نىسبەتەن كونسېرۋاتىپراق پوزىتسىيىدە بولغان. پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قوغداپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئەدلىيە ھوقۇقىنى چەكلەپ «سانائەتنى گۈللەندۈرۈش قانۇنى»غا قارشى تۇرۇپ «ۋاگىنىر قانۇنى»نى قوللاپ، روزۋېلتنىڭ سوتنى ئۆزگەرتىش پىلانىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان.

خۇگېنوچىلار

  • خۇگېنوچىلار[يەشمىسى:] فرانسۇزچە Huguenots نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئادەتتە نېمىسچە Eidgenossen تىن كېلىپ چىققان دەپ قارىلىدۇ، مەنىسى «ئىتتىپاقچى» دېگەندىن ئىبارەت. ⅩⅧ — ⅩⅥ ئەسىرلەردە فرانسىيىدىكى پروتېستانتلار (كالۋىنچىلار)نىڭ نامى. ئۇلارنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بۇرژۇئازىيە ۋە قول سانائەتچىلەر كالۋىن دىنىنى فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇشنىڭ بايرىقى قىلىۋالغان؛ ئاقسۆڭەكلەر (بىر قىسىم چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كالۋىن دىنىدىن پايدىلىنىپ كورۇلنىڭ ئىستىبداتلىق يۈرگۈزگەنلىكىگە قارشى تۇرۇپ، يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ فېئوداللىق ئىمتىيازلىرىنى قوغداپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان. خۇگېنوچىلار بىلەن كاتولىك دىنى گۇرۇھلىرىنىڭ قارىمۇ قارشىلىقى خۇگېنو ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1598-يىلى فرانسىيە كورۇلى ھېنرى Ⅳ «نانتې پەرمانى»نى ئېلان قىلىپ، خۇگېنوچىلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ئۇلارغا سىياسىي ۋە ھەربىي ئىمتىياز بەرگەن. 1629-يىلى سېلىيۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە يۇقىرىقى ئىمتىيازلارنى بىكار قىلغان. 1685-يىلى فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅩⅣ ئاخىرى «نانتې پەرمانى»نى ئەمەلدىن قالدۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن خۇگېنو مۇرىتلىرى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ياكى چەت ئەلگە چىقىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرى فرانسىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە خۇگېنوچىلار كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولغان.

خۇگېنو ئۇرۇشى

  • خۇگېنو ئۇرۇشى[يەشمىسى:] يەنە دىنىي ئۇرۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1562 — 1594-يىللىرىدىكى فرانسىيە خۇگېنوچىلار بىلەن كاتولىك دىنى گۇرۇھلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇش. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ كالۋىن دىنى فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي جەنۇبىي قىسىملىرىدا كەڭ تارقالغان، بۇنىڭ فرانسىيىدىكى مۇرىتلىرى خۇگېنوچىلار دەپ ئاتالغان. بۇنىڭغا بۇرژۇئازىيە ۋە شەھەر قول سانائەتچىلىرى شۇنىڭدەك كاتولىك دىنى جەمئىيەتلىرىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش ئارقىلىق ئۆز يېنىنى چىڭداش قەستىدە بولغان بىر قىسىم فېئودال ئاقسۆڭەكلەر قاتناشقان. خۇگېنوچىلارنىڭ باشلىقى ئانتونى بۇربون (Antoine de Bourbon، 1518 — 1562)، ھېنرى (ناۋاررالىق) ۋە كولنى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئاقسۆڭەكلەر ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ كۆپچىلىكى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، بۇلارنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى ھېنرى گېيسې قاتارلىقلار. فرانسىيە ئاقسۆڭەكلىرى بارا-بارا ئىككى چوڭ گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1562-يىلى 3-ئايدا، فرانسىس گېسې ۋاسې (Vassy) بازىرىدا خۇگېنچولارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاچقا، ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغان. ئۈچ قېتىملىق ئۇرۇش (1562 — 1563، 1567— 1568، 1568 — 1570) تىن كېيىن ئىككى تەرەپ يەنى 1570-يىلى ياراشقان. 1572-يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى كاتولىك دىنى گۇرۇھى پارىژدا سىت. بارتولومىۋ قانلىق ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، خۇگېنو مۇرىتلىرىدىن 2 مىڭدىن ئوشۇق كىشىنى قىرغىن قىلغان، شۇنداق قىلىپ، يەنە ئۇرۇش كېلىپ چىققان. 1576-يىلى خۇگېنوچىلار فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدا ئىتتىپاق قۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە شىمالىي تەرەپتىن ئايرىلىپ چىققان. شۇ يىلى، شىمالدىكى كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى كاتولىك دىنى ئىتتىپاقىنى قۇرغان. ئىچكى ئۇرۇش تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن. ئىسپانىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ م-ۇ فرانسىيىگە قوشۇن ئەۋەتىپ كاتولىك دىنى گۇرۇھىغا ياردەم بەرگەن. ئۇرۇش ئاپىتى خەلقنىڭ ئازابىنى ئېغىرلىتىپ، دېھقانلار ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان. بۇنىڭدىن كۆلىمى ئەڭ زور بولغىنى كروچانت قوزغىلىڭىدىن ئىبارەت. كېيىن ئىككى چوڭ ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى ئورتاق سىنىپىي مەنپەئەتنى قوغداش ئۈچۈن مۇرەسسەگە كەلگەن. 1593-يىلى فرانسىيە پادىشاھى ھېنرى Ⅳ كالۋىن دىنىدىن ۋاز كېچىپ، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، ئىككىنچى يىلى پارىژدا رەسمىي تاج كىيىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئېتىراپ قىلغان پادىشاھقا ئايلانغان ۋە خۇگېنو ئۇرۇشىغا خاتىمە بەرگەن. 1598-يىلى ھېنرى Ⅳ «نانتې پەرمانى» نى ئېلان قىلغان، بۇ پەرمان ئەمەلىيەتتە كاتولىك دىنى گۇرۇھى بىلەن خۇگېنوچىلار تۈزگەن مۇرەسسە خاراكتېرىدىكى سۈلھ شەرتنامىسىدىن ئىبارەت.

خۇڭ جىڭلەي قوزغىلىڭى

  • خۇڭ جىڭلەي قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ 1811-يىلىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭ رەھبىرى خۇڭ جىڭلەي 1780-يىلى پىڭئەن ئۆلكىسىنىڭ لۇڭ گاڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1798-يىلى ئەمەلدارلىق ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىلمۇ يىل ئۇدا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بولۇپ، پۇقرالار يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ، خانىۋەيران بولغان، بۇ ھال ئۇنىڭ چىرىك ھۆكۈمرانلىققا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىنى تېخىمۇ قوزغىغان، نەتىجىدە 1809-يىلى يۈي جۈنزې بىلەن بىرلىكتە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئەھدىلەشكەن، ئارقىدىنلا جياشەن ناھىيىسىنىڭ دوفۇ غارىنى قوزغىلاڭچىلارنىڭ بازىسى قىلىشقا لى شىجۇ قاتارلىقلار بىلەن كېڭەشكەن. 1811-يىلى 12-ئايدا، خۇڭ جىڭلەي باش سەردار بولۇپ، 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشىلىك قوزغىلاڭچى قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئالدى بىلەن جياشەن ناھىيىسى يامۇلىغا ھۇجۇم قىلىپ، ھاكىمىنى ئۆلتۈرگەن، ئارقىدىن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى جەنۇب بىلەن شىمالغا بۆلۈنۈپ، بوشەن، گوشەن قاتارلىق 8 شەھەرنى ئىشغال قىلغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئەنجۇ ۋىلايىتىدە ھۆكۈمەت قوشۇنىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كېلىپ، دىڭجۇ ۋىلايىتىگە چېكىنگەن، ھۆكۈمەت قوشۇنى بىر تەرەپتىن يالغاندىن كەمبەغەل دېھقانلارنى يۆلىگەن بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسكەر كۆپەيتىپ، قوزغىلاڭنى باستۇرغان. كېيىنكى يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى ھۆكۈمەت قوشۇنى دىڭجۇ ۋىلايىتىنى قايتۇرۇۋالغان، خۇڭ جىڭلەي قاتارلىقلار باتۇرلارچە قۇربان بولغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ لى سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئاساسىنى خېلىلا ئاجىزلاشتۇرغان.

خۇڭدې قانۇنلىرى

  • خۇڭدې قانۇنلىرى[يەشمىسى:] «خۇڭدې قانۇن مىزانى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋيېتنامنىڭ كېيىنكى لى سۇلالىسىنىڭ شېنزۇڭ خۇڭدې يىللىرى (1470 — 1497)دىكى قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرى. جىنايى ئىشلار قانۇنى، نىكاھ ۋە ئائىلە قانۇنى، ھەق تەلەپ قانۇنى، دەۋا قانۇنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر تۈزۈمى، ئەمەلدارلارنىڭ مائاشى، جەمئىيەت ۋە ئائىلىدىكى ئەزىز بىلەن ھەقىرلىق تەرتىپى قاتارلىق بەلگىلىمىلەر بار. ئۇسلۇب ۋە مەزمۇنى كۆپرەك جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسىدىكى ئەمر-پەرمانلارغا تەقلىد قىلىنغان. كېيىن تولۇقلانغان، جەمئىي 721 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 6 توم 16 بابقا بۆلۈنگەن، «لى سۇلالىسىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» دەپ ئاتىلىپ، تاكى ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر يولغا قويۇلۇپ كەلگەن.

خۇڭ گۇرۇڭ

  • خۇڭ گۇرۇڭ[يەشمىسى:]1748 — 1781) چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن زالىم ۋەزىر. ئەسلى ئىسمى دېلاۋ، يۇرتى فېڭشەن. 1772-يىلى ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. جىڭ زۇلى تەخت ۋارىسى بولغاندىن كېيىن، خۇڭ لىنخەن، جېڭ يۈەنچيەن قاتارلىق ھوقۇقلۇق زالىم ۋەزىرلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغاندا، خۇڭ گورۇڭ ئامال قىلىپ، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان، جىڭ زۇلى تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، خۇڭ گورۇڭ پايتەخت تەلىم-تەربىيە گېنېرالى بولغان، كېيىن سىڭلىسىنى ئوردىغا بانۇ قى-لىپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق، جىڭ زۇلىنىڭ ئىشەنچسىگە ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بارلىق ھەربىي ۋە مۈلكىي ئەمەلدارلار ئۇنىڭغا سۆزسىز ئىتائەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ نوپۇزى بىر مەھەل تازا ئۆرلىگەن. خاننىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەنلىكتىن، خالىغانچە زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ، ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، ئاممىنىڭ نەپرىتىنى قوزغىغان، جېڭ زۇلىمۇ نارازى بولغان، نەتىجىدە جياڭ لىڭغا سۈرگۈن قىلىنىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن.

خۇڭ يىڭجى

  • خۇڭ يىڭجى[يەشمىسى:]1855 — 1884) چاۋشيەن مۇستەقىللىك پارتىيىسىنىڭ باشلىقى. تەخەللۇسى جۇڭيۈي، يەنە بىر ئىسمى چىنشى. يۇرتى نەنياڭ بولۇپ، سىئولدا تۇغۇلغان. 1873-يىلى ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. ھەربىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ مۇپەتتىشى بولغان. بۇرژۇئا ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، پيايۇڭشياۋ، جىن يۇيجۈن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە مۇستەقىللىك پارتىيىسى (يەنە بىر ئاتىلىشى ئۇقۇمۇشلۇقلار پارتىيىسى)نى قۇرۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى مۇتەئەسسىپلەرگە قارشى چىققان. 1884-يىلى ياپون قوشۇنلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، سىياسىي ئۆزگىرىش (جياشېن سىياسىي ئۆزگىرىشى)قوزغاپ، بيۇروكرات مۇتەئەسسىپ تۆرىلەردىن نۇرغۇن ئادەمنى قىرىپ تاشلىغان. ھاكىمىيەت ئۇقۇمۇشلۇقلار پارتىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، ئىچكى كابىنېتقا قاتنىشىپ، مۇئاۋىن رەئىس بولغان. ئۈچ كۈندىن كېيىن، مۇتەئەسسىپلەر ھاكىمىيەتنى قايتا قولغا ئالغاندا، ئۆلتۈرۈلگەن.

خۇلل

  • خۇلل[يەشمىسى:]Gordell Hull، 1871 — 1955) ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى (1933 — 1944). دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. 1891-يىلى كولۇمبىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1893 — 1897-يىللىرى تېننېشى شتاتلىق پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1903 — 1907-يىللىرى بۇ شتاتتا سەييارە سوتچى بولغان. كېيىن پارلامېنت ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان مەزگىلىدە، ئىجتىمائىي مۇتەئەسسىپ كۈچلىرىنىڭ «يېڭى سىياسەت» كە بولغان نارازىلىقىنى پەسەيتكەن، لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدا «ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتى»نى يولغا قويغان؛ ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ فاشىست گېرمانىيىگە قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى قۇۋۋەتلىگەن؛ ياپونىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان، ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلىرىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. 1944-يىلى 11-ئايدا ئىستېپا بەرگەن. ئىككىنچى يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

خۇيچاۋ

  • خۇيچاۋ[يەشمىسى:]704 — ؟)چاۋشيەن سىللادىكى راھىب. ياش ۋاقتىدا تاڭ سۇلالىسىگە كەلگەن. مىلادى 719-يىلى (تاڭ سۇلالىسى كەييۇەننىڭ 7-يىلى) جىن گاڭجىنى ئۇستاز تۇتقان. كېيىن جەنۇبىي دېڭىز ئارقىلىق ھىندىستانغا بېرىپ، بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىنى زىيارەت قىلىپ، بۇددا نومىنى تەتقىق قىلغان، قايتىش سەپىرىدە پامىرنىڭ شىمالىدىكى بەگلىكلەر ئارقىلىق 727-يىلى (كەييۇەننىڭ 15-يىلى) ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ مەركىزى كۇچاغا كەلگەن. كېيىن چاڭئەنگە بېرىپ، بۇكوڭ سەنزاڭنى ئۇستاز تۇتۇپ، بۇددا نومىنى تەرجىمە قىلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان. 780-يىلى (تاڭ سۇلالىسى جيەنجۇڭنىڭ تۇنجى يىلى)ئۆزى تەرجىمە قىلغان بۇددا نومىنى ئېلىپ، ۋۇتەيشەن تېغىدىكى چيەنيۇەن بۇددا ئىبادەتخانىسىغا قايتقان، تاڭ سۇلالىسىدە 54 يىل تۇرغان. «بەش ئەنەتكەككە بېرىش خاتىرىسى»ئۇنىڭ تاڭ سۇلالىسىدىن ھىندىستانغا بېرىپ-كېلىشتىكى ساياھەت خاتىرىسىدىن ئىبارەت. بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلىدىكى نۇسخىسى ئۈچ توم بولۇپ، بۇرۇنلا يوقىلىپ كەتكەن. 1906-يىلى گەنسۇدىكى دۇنخۇاڭ غارىدىن مەزكۇر كىتابنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنىڭ پارچىلىرى يەنى 2-، 3-قىسمىنىڭ بىر قىسمى تېپىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھىندىستاننىڭ كۇشىناگارا بەگلىكىنى زىيارەت قىلىپ كۇچاغا قايتىپ بارغانلىقى بايان قىلىنغان.

خېررىئو

  • خېررىئو[يەشمىسى:]Edouard Herrio، 1872 — 1957) فرانسىيە زۇڭلىسى (1924 — 1925، 1926 — 1932). فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى (1946). پارىژ ئالىي سىفەن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ياش ۋاقتىدا رادىكاللار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1919-يىلدىن باشلاپ، كۆپ قېتىم مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەئىسى بولغان (1919 — 1926، 1931 — 1936، 1945 — 1957). 1905 — 1940-يىللىرى لىئون شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان. 1912-يىلدىن باشلاپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1916 — 1917-يىللىرى جامائەت ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سول قانات ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ، پوينكارېنىڭ ئەكسىيەتچى سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. زۇڭلى بولغان مەزگىلدە رۇرغا بولغان ئىشغالىيەتنى ئاياغلاشتۇرغان، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورناتقان ۋە «فرانسىيە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى»نى ئىمزالىغان؛ مەملىكەت ئىچىدە بەزى جەھەتلەردە ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشقا تىرىشىپ باققان. 1934— 1936-يىللىرى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان. 1936-يىلى مىللىي پارلامېنتنىڭ باشلىقى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن گېرمانىيە بىلەن مۇرەسسە قىلىشقا قارشى تۇرغان ھەمدە 1940-يىلى 7-ئايدا پېتانغا ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلغان. 1942 — 1945-يىللىرى گېرمانىيىدە تۈرمىدە ياتقان. ئۇرۇشتىن كېيىن سوۋېت ئارمىيىسى ئۇنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ۋەتىنىگە قايتقان. 1945 — 1955-يىللىرى لېئان شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان. 1947-يىلدىن باشلاپ، مىللىي پارلامېنتنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلانغان. 1955-يىلدىن كېيىن پارلامېنتنىڭ پەخرى باشلىقى بولغان. «ياۋروپا مۇداپىئە گۇرۇھى»ۋە فېدېراتىپ گېرمانىيىسىنىڭ يېڭىباشتىن قوراللىنىشىغا قەتئىي قارشى تۇرغان. «ئۆتمۈشتىكى ئىشلار» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

خېرمانداد

  • خېرمانداد[يەشمىسى:]Hermandad)«قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى» دېگەن مەنىدە. ئوتتۇرا ئەسىردە ئىسپانىيە شەھەر كوممۇنىسى تۈزگەن ئىتتىپاق. ⅩⅢ ئەسىردە ئاراگون، كاستىل، لېئان قاتارلىق جايلاردا مەيدانغا كەلگەن، ئۇ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىشى ۋە تالان-تاراج قىلىشىغا قارشى تۇرۇش، شەھەر كوممۇنىسىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان. كېيىن پادىشاھنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئامانلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئىسپانىيە مۇستەبىتلىك تۈزۈلمىسىنىڭ ئورنىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاستا-ئاستا ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتقان.

خېئوپىس

  • خېئوپىس[يەشمىسى:]Cheops) قەدىمكى مىسىر تۆتىنچى سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى. يەنى «خۇفۇ».

خېياكىيو

  • خېياكىيو[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ قەدىمكى پايتەختى يەنى بۈگۈنكى كىيوتو شەھىرى. مىلادى 784-يىلى (يەنلى 3-يىلى) تېننوكاممۇنارادىن تاغلىق شەھەر ناگائوكاكىيو (بۈگۈنكى كىيوتو شەھىرىنىڭ غەربىدە)غا كۆچكەن، ئارقىدىنلا گېيېدا يېڭى پايتەخت قۇرۇپ، «ئەمىنلىك شاد ماكان» بولۇشىنى تىلىگەن. شۇڭلاشقا خېياكىيو (تىنچ ئوردا)دەپ ئاتالغان. پايتەخت شەھىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى پايتەختى چاڭئەن ئەندىز قىلىنغان بولۇپ، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن 5.4 كىلومېتر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3.5 كىلومېتر بولغان قۇرۇلۇش پۈتمەي تۇرۇپلا، 794-يىلى (يەنلى 13-يىلى) پايتەخت بۇ جايغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىر- لىرىدىن تارتىپ Ⅻ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان ۋاقىت تارىختا ئەمىنىيىلىك دەۋر دەپ ئاتالغان. مىيجى ھۆكۈمىتى پايتەختىنى توكيوغا يۆتكىگىچە بولغان مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا باشتىن-ئاياغ ياپونىيىنىڭ پايتەختى بولغان.

خىيالىي سوتسىيالىزم

  • خىيالىي سوتسىيالىزم[يەشمىسى:] «ئوتۇپىيە سوتسىيالىزمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىلمىي سوتسىيالىزم بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن غايىۋى جەمئىيەتكە تەلپۈنۈپ خىيالىي خاراكتېرىنى ئالغان بىر خىل سوتسىيالىزم تەلىماتى. ئەڭ دەسلەپ ⅩⅥ ئەسىردە ئۆتكەن ئەنگلىيىلىك توماس مور يازغان «ئەڭ مۇكەممەل دۆلەت تۈزۈمى ۋە ئوتۇپىيە يېڭى ئارىلىنىڭ ھەم پايدىلىقلىقى، ھەم قىزىقارلىقى توغرىسىدىكى قامۇس»ناملىق كىتابتا تىلغا ئېلىنغان. ئاساسلىقى ⅪⅩ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى كەڭ تارقالغان بولۇپ، فرانسىيىلىك سىن سىمون، فۇرېيې ۋە ئەنگلىيىلىك ئوۋىن قاتارلىقلارنى ئاساسلىق ۋەكىل قىلغان. ئۇلار كاپىتالىزم تۈزۈمىنىڭ جىنايەتلىرىنى كەسكىن تەنقىت قىلىپ، كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى زىددىيەت ۋە سىنىپىي قارىمۇ قارشىلىقلارنى ئېچىپ تاشلىغان ھەمدە كوممۇنىزم جەمئىيىتىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، كەلگۈسى جەمئىيەت توغرىسىدا بەزى ئىجابىي تەشەببۇسلارنى ۋە تەسەۋۋۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن، ياللانما ئەمگەكنى يوقىتىش، شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ قارىمۇ قارشىلىقىنى، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىسمانىي ئەمگەكنىڭ قارىمۇ قارشىلىقىنى يوقىتىش، پىلانلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇش، شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ يوقىلىشى، ئاياللارنىڭ ئازادلىقى ۋە باشقىلار. بۇ كۆز قاراشلار ماركسىزمنىڭ ئۈچ مەنبەسىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. لېكىن ئۇلار ئىدېئالىزملىق تارىخىي قاراشنى ئاساس قىلىپ سوتسىيالىزمنىڭ كاپىتالىزمنىڭ ئورنىنى باسىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى بىلمەي، پرولېتارىياتنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي رولىنى كۆرمەي، سىياسىي كۈرەش ۋە زوراۋانلىق ئىنقىلابقا قارشى تۇرۇپ، تەشۋىقات ئارقىلىق بۇرژۇئازىيىنى تەسىرلەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى ھەمدە ئۈلگىلىك تەجرىبە ئارقىلىق كوممۇنىزمنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايەندە قىلىپ، تىنچ يول بىلەن غايىۋى جەمئىيەتكە ئۆتۈشنى خام خىيال قىلغان. بۇنداق «پىشىپ يېتىلمىگەن نەزەرىيە پىشىپ يېتىلمىگەن كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىغا، پىشىپ يېتىلمىگەن سىنىپىي ئەھۋالغا ئۇيغۇن كېلەتتى» («ماركس، ئېنگېلس، لېنىن، ستالىن، ماۋزېدۇڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما»، «ئىلمىي سوتسىيالىزم قىسمى» 154بەت). سىنىپىي كۈرەش ۋە ماركسىزمنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ خىيالىي سوتسىيالىزمنىڭ ئىلغار ئەھمىيىتىمۇ يوقالدى.

خېيئان دەۋرى

  • خېيئان دەۋرى[يەشمىسى:]ئەمىنلىك دەۋرى) ياپونىيىنىڭ خېيئان كىيونى مەركەز قىلغان ئاقسۆڭەكلەر سىياسىي دەۋرى. مىلادى 794-يىلى ناگائوكاكيو (بۈگۈنكى كىيوتو شەھىرىنىڭ غەربىدە)دىن پايتەختنى خېيئان كىيو (بۈگۈنكى كىيوتو شەھىرى)غا يۆتكىگەندىن باشلىنىپ، 1192-يىلى مىنا موتويورى تومۇ ياتلارغا يۈرۈش قىلىش سىياگونى بولغاندا ئاياغلاشقان. بۇ دەۋر مۇنداق تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ: (1)794 — 894-يىللار. ئاقسۆڭەك كۇچوخارا جەمەتى باشقا ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئىبادەتخانا كۈچلىرىنىڭ دەخلىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، 794-يىلى (يەنلى 13-يىلى)پايتەختىنى خېيئان كىيوغا يۆتكىگەن. تاڭ سۇلالىسىگە كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن: 801-يىلى (يەنلى 20-يىلى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېڭ يۈەن 17-يىلى)، فۇجى ۋارا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەندە، جۇڭگودا تۇرۇپ ئوقۇغان جۈي يىشى، راھىب ئوقۇغۇچى زۈيدىڭ، كۇڭخەيلەرمۇ بىرگە بارغان. 834-يىلى يەنە فۇجى ۋارا ئەلچىلىككە ئەۋەتىلگەندە، جۇڭگودا تۇرۇپ ئوقۇغان يۈەن رېن قاتارلىقلار بىرگە بارغان. 894-يىلىغا كەلگەندە، گەرچە جەن يۈەن داۋجېڭ (تېڭ يۈەن گې مالۇيىنىڭ ئوغلى) ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن تاڭ سۇلالىسىدە غەليان كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئەۋەتمەسلىكنى تەكلىپ قىلغان. تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىش شۇنىڭدىن كېيىن توختىتىلغان. چىڭ خى ئۆزگىرىشى (842-يىلى)، يىڭ تيەنمىن ئۆزگىرىشى (866-يىلى) ئارقىلىق فۇجى ۋارا ھاكىمىيىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەدەنىيىتى تازا گۈللەنگەن ۋاقىتلاردا، بۇددا دىنىنىڭ تيەنتەي مەزھىپى، جېڭ يەن مەزھىپى ياپونىيىگە كىرگەن؛ «ياپونىيە يىلنامىسىنىڭ داۋامى» قاتارلىق كۆپ خىل تارىخلار تۈزۈلگەن. (2) 895 — 1015-يىللار. 907 — 927-يىللاردا «يەنشى ئەندىزىسى»نى تۈگىتىپ 967-يىلى يولغا قويۇلغان. قورۇق تۈزۈمى راۋاجلاندۇرۇلغاچقا، يەرنى قەرەللىك بۆلۈپ بېرىش تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەس بولغان. فۇجى ۋارامىچىناگا (966 — 1027) سول قول ۋەزىر بولۇپ، مۇۋەققەت ھاكىملىق قىلىش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. گەرچە «يەنشىنىڭ تيەنلى يىللىرىدىكىدەك ئىدارە قىلىش» (901 — 956) دېگەن كونا گەپ بولسىمۇ، لېكىن ئارىلىقتا فوجى ۋاراسۇمى تومو توپىلىڭى، تائىرا ماساكادۇ توپىلاڭلىرى بولۇپ ئۆتكەن. (3) 1015 — 1085-يىللار. فۇجى ۋارا جەمەتى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مۇۋەققەت ھاكىملىق ئورنىدا تۇرغان. چوڭ ئاقسۆڭەكلەر قورۇقلارنى قوشۇۋالغان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ يېقىن ئادەملىرىنى جايلاردا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارلىققا تەيىنلەپ، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنى كۈچەيتكەن. «تەكىي خاتىرىلىرى»، «فۇجى قوۋمى ھەققىدە ھېكايە» قاتارلىقلار مۇشۇ دەۋردە يېزىلغان. (4) 1086 — 1192-يىللار. ئۇلۇغ شاھ شىراكاۋا (1053 — 1129) 1086-يىلىدىن باشلاپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. شاھىنشاھلىق ئورنى ئارقىلىق مۇۋەققەت ھاكىملىقنى باسقان. 1095-يىلى تائىرا جەمەتىنىڭ سامۇرايلىرىنى قوراللىق كۈچىنىڭ ئاساسى قىلغان. 1156-يىلى خوگېن توپىلىڭى، 1159-يىلى پىڭ جىژ توپىلىڭى يۈز بەرگەن. 1167-يىلى تائىرا كىيومورى مەمۇرىي ۋەزىر بولغان. تائىرا جەمەتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك روناق تاپقان ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن. 1180-يىلىدىن باشلاپ فۇجى جەمەتى بىلەن تائىرا جەمەتى ھاكىمىيەت تالىشىپ، 1185-يىلى تائىرا جەمەتى يوقىتىلغان. مىناموتويورى تومو مۇھاپىزەتچى ۋە قورۇق باشلىقلىرىنى تەيىنلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. 1192-يىلىغا كەلگەندە ياتلارغا يۈرۈش قىلغۇچى سانغۇن بولۇپ، كاما كوگرادا شوگنات قۇرغان. بۇددا دىنىنىڭ جىن تۇ مەزھىپى، لىن جى مەزھىپى جۇڭگودىن تارقىلىپ كىرگەن. پۈتكۈل خېيئان دەۋرىدە، تاڭ سۇلالىسىنىڭ تۈزۈمىنى قوبۇل قىلىشتىن تەدرىجىي ھالدا ياپونىيىنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتىنى يارىتىشقا يۈزلەنگەن. Ⅸ ئەسىردىن باشلاپ ياپون ھەرپى قوللىنىلغان، خەنزۇ يېزىقى بىلەن ياپون يېزىقى ئارىلىشىپ كەتكەن يېزىق شەكلى تەدرىجىي ئەۋج ئالغان.

خېيتيەن چىڭلوڭ (كۇرودا كىيوتاكا)

  • خېيتيەن چىڭلوڭ (كۇرودا كىيوتاكا)[يەشمىسى:]1840 — 1900)، ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1888 — 1889). ساموۋاسساللىقىنىڭ سامورايلىرىدىن كېلىپ چىققان. شوگناتنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1868-يىلىدىكى ئۇرۇشنىڭ خاكوداتې جېڭىدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال لېتنانتلىقىغا كۆتۈرۈلگەن ھەمدە كېڭەش ئەزاسى بولغان. مىيجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا خوككايدونى ئېچىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باشلىقى بولغان. 1875-يىلى چاۋشيەنگە جياڭخۇا ئارىلى ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلغىلى بېرىپ، چاۋشيەن ھۆكۈمىتىنى «جياڭخۇا شەرتنامىسى»نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. 1882-يىلى بوز يەر ئېچىش مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ئىچكى كابىنېتنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1887-يىلى ئىتوخىروئايا ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلغاندا، يېزا ئىگىلىك ۋە سودا ۋەزىرى بولغان. 1884-يىلى 4-ئايدا باش ۋەزىر بولۇپ ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلغان، ئەمما شەرتنامىنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقتىن، ئىككىنچى يىلى 10-ئايدا ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن يېقىن مەسلىھەتچى (1889 — 1892)، ھۆدەيچى (1892 — 1895)، زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى (1895 — 1900) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۈچ توملۇق «ساياھەت خاتىرىسى»دېگەن ئەسىرى بار.

خېيجوكىيو

  • خېيجوكىيو[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ قەدىمكى پايتەختى. كۆپ قىسمى بۈگۈنكى نارا شەھىرىدە. مىلادى 708-يىلى تېننو يۈەنمىڭ يەر تاللاپ قۇرۇلۇش قىلدۇرغان. 710-يىلى فۇجى ۋارا ئوردىسىدىن پايتەختنى بۇ جايغا كۆچۈرۈپ كەلگەن. 784-يىلى يەنەنگا ئوكاكىيوغا كۆچكەن. نارا پايتەخت قىلىنغان مەزگىللەر تارىختا نارا دەۋرى دەپ ئاتالغان. پايتەخت قۇرۇلۇشى جۇڭگو تاڭ سۇلالىسىنىڭ چاڭئەن شەھىرىگە تەقلىد قىلىنغان، ئاساسلىق قىسمىنىڭ يۈز تەكشىلىكى تىك تۆت بۇلۇڭلۇق، جەنۇبتىن شىمالغا 8.4 كىلومېتر، شەرقتىن غەربكە 3.4 كىلومېتر بولغان. خېيجو ئوردىسى شىمالىي قىسمىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېلىنغان؛ ئاساسىي يول شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان بولۇپ، پۈتۈن شەھەرنى ئىككى قىسىمغا ئايرىۋەتكەن. شەرقىي قىسمى سول تەرەپ ئوردا، غەربىي قىسمى ئوڭ تەرەپ ئوردا دەپ ئاتالغان. شەرق ۋە غەرب بازىرى بولغان. پۈتۈن شەھەر بىر-بىرى بىلەن كېسىشكەن چوڭ يوللار، يەنى جەنۇبتىن شىمالغا ئېلىنغان توققۇز يول، شەرق ۋە غەربنىڭ ھەرقايسىسىدىكى تۆت يول بىلەن نۇرغۇنلىغان پارچىلارغا بۆلۈۋېتىلگەن. ھەربىر پارچىنىڭ تۆت تەرىپى 500 مېتردىن بولغان. ئوردا ئىچى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بۇددا ئىبادەتخانىلىرى مەسىلەن، كوفوكۇ ئىبادەتخانىسى، بىھايىشا جيا ئىبادەتخانىسى، تودائى ئىبادەتخانىسى تاڭ جاۋتى ئىبادەتخانىسى، قاتارلىقلارنىڭ بەزىلىرىدە يەنىلا ئەينى دەۋردىكى قۇرۇلۇشلار ياكى ئۇلارنىڭ خارابىلىرى ساقلىنىپ قالغان.

خېيداۋ چۇەنجى (كۇروشما دېنجى)

  • خېيداۋ چۇەنجى (كۇروشما دېنجى)[يەشمىسى:]1898 — 1943). ياپونىيىلىك يازغۇچى. سىركە زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى بولغان. ۋاسىدا داشۆسىنىڭ تەييارلىق كۇرسىدا ئوقۇغان. 1919-يىلى ھەربىي سەپكە چاقىرتىلغان، 1922-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ھەربىي سەپتىن بوشىنىپ، يۇرتىغا قايتىپ داۋالانغان. 1927-يىلى كانوياماكاجۇ قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئەمگەكچى دېھقان سەنئەتچىلەر ئىتتىپاقىنى قۇرغان. 1930-يىلى بۇ تەشكىلاتتىن چېكىنىپ چىقىپ، ياپونىيە پرولېتارىيات يازغۇچىلىرى ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. ئۇ ئۆزىنىڭ «قوراللانغان شەھەر» دېگەن رومانىدا ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ جۇڭگو جىنەندە «3-ماي پاجىئەسى»نى پەيدا قىلغان جىنايىتىنى پاش قىلغان. «توڭگۇز پادىسى» دېگەن ھېكايىسىدە ياپونىيە دېھقانلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشى ۋە ئۇلارنىڭ فېئودال پومېشچىكلارغا قارشى كۈرىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. يەنە «چانا»، «ئەگىگەن قاغىلار»، «شىۋىرغانلىق سىبىرىيە» قاتارلىق جاھانگىرلىكنىڭ سوۋېت روسىيىسىگە قوراللىق مۇداخىلە قىلغانلىقىنى پاش قىلغان ئۇرۇشقا قارشى ئەسەرلىرى بار. كېيىن ئۈچ توملۇق «(كۇروشما دېنجى) ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

خېيدېنستام

  • خېيدېنستام[يەشمىسى:]Verner Von Heidenstam، 1859 — 1940) شۋېتسىيە شائىرى، يازغۇچىسى. رەسساملىقنى ئۆگەنگەن. 1876-يىلدىن باشلاپ ئۇزاق ۋاقىت ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدە ۋە ئىتالىيە، فرانسىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرغان، 1887-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. 1888-يىلى «تاغقا تاۋاپ قىلىش ۋە سەرگەردانلىقتىكى يىللار» دېگەن شەرق تۈسىدىكى ئەسىرىنى نەشىر قىلغان، ئىككىنچى يىلى «گۈللىنىش»نى نەشىر قىلىپ، ناتۇرالىزمغا ۋە رېئالىزمغا قارشى تۇرۇشنى تۇنجى قېتىم ئىپادىلىگەن. خىيالغا ۋە مىللىي ئۇسلۇبقا ئەھمىيەت بەرگەن. 1895 — 1915-يىللىرى ئىككى قېتىم شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. شۇنىڭدەك «كارل Ⅻ ۋە ئۇنىڭ نۆۋكەرلىرى»، «شۋېتسىيىلىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ سەردارلىرى» قاتارلىقلارنى يازغان. 1916-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان.

خىراج

  • خىراج[يەشمىسى:] ئەرەبچە Kharaj نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ يەر بېجى. ئەينى چاغدا دۆلەتنىڭ ئاساسلىق باج مەنبەسى. دەسلەپ ئىستېلا قىلىنغان رايونلاردىكى غەيرىي مۇسۇلمانلار ۋە غەيرىي ئەرەبلەر تەۋەلىكىدىكى مۇسۇلمانلاردىنلا باج ئېلىنغان. ئۇمەييە سۇلالىسى ۋاقتىغا كەلگەندە ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغانلارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيگەنلىكتىن باج مەنبەسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئەرەبتىن بولغان مۇسۇلمانلار بىلەن بەيئەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسىدىن باج ئېلىشنى بەلگىلىگەن.

خىرانوكى چىرو

  • خىرانوكى چىرو[يەشمىسى:]1867 — 1952) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1959-يىلى). ئۇرۇش جىنايەتچىسى. ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن. مۇئاۋىن ئەدلىيە ئەمەلدارى، باش ئىش نازارەتچىسى، باش سوراقخانا باشلىقى، ئەدلىيە ۋەزىرى بولغان. 1924-يىلى ئوڭ قانات تەشكىلات «دۆلەت ئۇيۇشمىسى»نى قۇرۇپ، باشلىقلىقنى ئۈستىگە ئالغان. 1925-يىلى زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، 1936-يىلى زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1939-يىلى 1-ئايدا كابىنېت تەشكىللىگەن، 8-ئايدا ئىستېپا بەرگەن.1940-يىلى 12-ئايدا ئىككىنچى نۆۋەتلىك كونوئى ئىچكى كابىنېتىنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، كېيىن يەنە ئۈچىنچى نۆۋەتلىك كونوئى ئىچكى كابىنېتىنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1945-يىلى 4-ئايدىن 12-ئايغىچە يەنە بىر نۆۋەت زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، 1-دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى قاتارىدا قولغا ئېلىنىپ، 1948-يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوت تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. جازا مۇددىتىنى ئۆتەش جەريانىدا كېسەل بولۇپ ئۆلگەن.«خرانوكى چىرو ئەسلىمىلىرى» ناملىق ئەسىرى بار.

خروتاكوكى

  • خروتاكوكى[يەشمىسى:]1878 — 1948) ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1936 — 1937). ئۇرۇش جىنايەتچىسى. 1906-يىلى توكيو ئىمپېرىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. تاشقى ئىشلار ۋازارىتىدە ئۇزاق مۇددەت ۋەزىپە ئۆتىگەن. گوللاندىيىدە تۇرۇشلۇق كونسۇل (1927 — 1930-يىللىرىدا)سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچى (1930 — 1932-يىللىرىدا) بولغان. 1933-يىلى 9-ئايدىن 1936-يىلى 2-ئايغىچە سائىتو، ئوكادا ئىچكى كابىنېتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1935-يىلى 10-ئايدا «خروتا ئۈچ پرىنسىپى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتىنى پائال پىلانلىغان. 1936-يىلى «26-فېۋرال» ۋەقەسىدىن كېيىن، ھەربىي مىنىستىرلىكنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئىچكى كابىنېتنى قۇرغان. قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. خىزمەتتىكى ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ئارمىيە ۋەزىرى بولۇش تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. جەنۇبقا ۋە شىمالغا تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان «دۆلەت سىياسىتىنىڭ تۈپ ئۆلچىمى»نى تۈزگەن. 1937-يىلى 1-ئايدا ئىچكى كابىنېت ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 6-ئايدا يەنە كونوې ئىچكى كابىنېتىدا تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ، جۇڭگوغا قارشى قاتتىق تاجاۋۇزچىلىق فاڭجېننى قوللانغان. كېيىن مۇھىم ۋەزىرلەر يىغىنىغا كۆپ قېتىم قاتنىشىپ،نۇرغۇن چوڭ-چوڭ سىياسەتلەرنى تۈزۈشكە ئارىلاشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن «A» دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى قاتارىدا قولغا ئېلىنغان. 1948-يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن دارغا ئېسىلغان.

خروتسۇكازۇر

  • خروتسۇكازۇر[يەشمىسى:]1891 — 1968) ياپونىيىلىك يازغۇچى، ئوبزورچى. ئەدىب خروتسۇ ليولاڭنىڭ ئوغ-لى. ۋاسېدا داشۆسىنىڭ ئەنگلىيە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا «مۆجىزە» ژۇرنىلىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىپ، ياۋروپانىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. مەكتەپتىن چىققاندىن كېيىن، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. «ئاپتورنىڭ تەسىراتى» ناملىق ئوبزورلار توپلىمى، «نېرۋا كېسىلى دەۋرى» دېگەن ھېكايە «يېشىل چىنار»، «بۇغداي مايسىلىرى»دېگەن رومان قاتارلىقلارنى يازغان. 1949-يىلى ماتشۇكاۋا ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن 10 يىل ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئادىل سوت قىلىشنى پائال تەلەپ قىلغان ھەمدە «ماتشۇكاۋانىڭ سوت قىلىنىشى». «ماتشوكاۋا ۋەقەسى ۋە سوت»قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. كېيىن «خروتسۇكازۇر ئەسەرلىرى»دىن 13 توم نەشىر قىلىنغان.

خرىستىئان سوتسىيالىزمى

  • خرىستىئان سوتسىيالىزمى[يەشمىسى:] راھىبلار سوتسىيالىزمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خرىستىئان ئەقىدىلىرىنى سوتسىيالىزم قىلىپ كۆرسىتىدىغان بىر خىل ئىجتىمائىي پى-كىر ئېقىمى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30 — 40-يىللىرىدا ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تارقالغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى ئەنگلىيىدىكى مۇرىس، كىنىسلېي (Charles Kingsley، 1819 — 1875) قاتارلىقلار. ئۇلار خرىستىئان دىنى — ئەمگەكچى خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان دىن، ھەقىقىي سوتسىيالىزم تەلىماتى، دېگەننى تەرغىپ قىلغان، كاپىتالىزمنى تەنقىد قىلسىمۇ، لېكىن ئىنقىلابىي كۈرەشكە قارشى تۇرغان، پەقەت خرىستىئان دىنىنىڭ مېھرىبانلىق، ئۆزئارا ياردەملىشىشكە ئوخشاش ئەقىدىلىرى يولغا قويۇلسىلا ئەمگەكچى خەلقنى بارلىق دەرد ئەلەمدىن خالاس قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. خرىستىئان ئېتىقادىنى ئاساس قىلىپ، كىچىك دائىرىدىكى «ئەمگەك ھەمكارلىق كوپىراتىپى»نى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق ھەرىكىتى ئارقىلىق سىنىپىي مۇرەسسەنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنغان.

خرىستىئان سوتسىيالىستلار پارتىيىسى

  • خرىستىئان سوتسىيالىستلار پارتىيىسى[يەشمىسى:] ئاۋسترىيە كاتولىك مۇرىتلىرىنىڭ ئەكسىيەتچىل پارتىيىسى. 1887-يىلى قۇرۇلغان. بۈيۈك نېمىس مىللەتچىلىكىنى تەرغىپ قىلغان، سىنىپىي تىنچلىقنى كۆككە كۆتۈرگەن، ئىجتىمائىي زىددىيەتنى «ئىناقلىق ۋە مېھرىبانلىق روھى» بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا «كىچىك ئەربابلارنى قوغداش، چوڭ كاپىتالىستلارغا تاقابىل تۇرۇش» دېگەنگە ئوخشاش كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان شوئار بىلەن، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ۋە دېھقانلار ئىچىدە مەلۇم تەسىرگە ئىگە بولۇۋالغان. لېكىن 1910-يىلدىن كېيىن، ئەسلىدىكى شوئارىدىن ۋاز كېچىپ، ئوچۇقتىن-ئوچۇق چوڭ سانائەتچىلەر، بانكىرلار ۋە چوڭ پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ پارتىيىسى بولۇپ قالغان. 1938-يىلى، گېرمانىيە فاشىستلىرى ئاۋستىرىيىنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ پارتىيە سىياسىي جەھەتتە غايىب بولغان. 1945-يىلى ئاۋسترىيە خەلق پارتىيىسىگە ئايلانغان.

خىزېن ۋاسسالى

  • خىزېن ۋاسسالى[يەشمىسى:] يەنى «ساگا ۋاسسالى».

خىگۇچى يىيې

  • خىگۇچى يىيې[يەشمىسى:]1872 — 1896) ياپونىيىنىڭ ئايال يازغۇچىسى. بالىلىق دەۋرىدە ناخشا ۋە ماقالىگە قىزىققان، كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. دەسلەپكى ئەسەرلىرى رومانتىزم تۈسىنى ئالغان. كېيىنكى مەزگىللەردە توكيودىكى تۆۋەن قاتلام جەمئىيىتىنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەيدىغان ئەسەرلەرنى، بولۇپمۇ ياپونىيە ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئورنىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئەسەرلەرنى كۆپ يازغان. ۋەكىللىك ئەسەرلىرى ئىچىدە «ئېقىن»، «ئون ئۈچ كېچە» ۋە «بالىلىق دەۋرى» قاتارلىقلار بار. كېيىن «يىيې ئەسەرلىرى»دىن يەتتە توم نەشىر قىلىنغان.

خىۋا خانلىقى

  • خىۋا خانلىقى[يەشمىسى:] خارەزم خانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆزبېكلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خارەزم رايونىدا قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. 1512-يىلى قۇرۇلغان. پايتەختى نەچچە قېتىم يۆتكىلىپ، كېيىن خىۋاغا (Khiva) بېكىتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن خىۋا خانلىقى دەپ ئاتالغان. ⅩⅦ ئەسىردە، ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى جاڭجاللىرى ئۈزلۈكسىز بولۇپ، دائىم قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ھالى خارابلاشقان. 1740-يىلى پېرسىيە پادىشاھى نادىر شاھ تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان، 1747-يىلدىن كېيىن مۇستەقىللىكنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1873-يىلى روسىيە ئەسكەرلىرى بېسىپ كىرگەن، خىۋا قولدىن كېتىپ نائىلاج ئامۇ دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى رايونلارنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن، روسىيىنى ھامىي دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلغان. 1920-يىلى فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىق ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، خارەزم خەلق سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1924-يىلى ئۆزبېك ۋە تۈركمەن ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىگە قوشۇلغان.

خىئابانې

  • خىئابانې[يەشمىسى:]Muhammad Hiabane،1882—1920)ئىراندىكى ئەزەر- بەيجان قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى. سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. روھانىيلىق تەربىيىسىنى ئېلىپ، تەبرىز باش جامەسىنىڭ ئىمامى بولغان. 1905 — 1911-يىللىرىدىكى ئىران بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1909-يىلى ئىران پارلامېنتىغا ئەزەربەيجانلارنىڭ ۋەكىلى قىلىپ سايلانغان. 1919-يىلدىن باشلاپ ئەزاربەيجان دېموكراتلار پارتىيىسى (1917-يىلى قۇرۇلغان) گە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىراننىڭ مىللىي مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. 1920-يىلى 4-ئايدا ئەزەربەيجان قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئەزەربەيجان دېموكراتىك ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 10-ئايدا قوزغىلاڭ باستۇرۇلۇپ، كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن.