ب🔗

ب

بارتولد

بارتوۋ

باردورى قارارى

باردو شەرتنامىسى

بارراس

بارروت

باركلاي دې توللى

بارلوۋ

بارناۋې

بارون

بارۇژا

بارسېلونا بەگلىكى

بازار رەستىسى

بازغانچىلار قوزغىلىڭى

باستىئات

باستىلىيە تۈرمىسى

باسسېت

باسقاق تۈزۈمى

باسلېئۇس

باسېل خىتابنامىسى

باسېل دىنىي يىغىنى

باسسى

باسىلⅠ

باسىلⅡ

باش نازارەتچى

باغداد شەرتنامىسى

باغ مۇئەللەق

باقتىچىلەر

باكترىيە

باكتېرىيە

باك سون قوزغىلىڭى

باك سون مەدەنىيىتى

باكۇنىنىزم

باكۇن

باكۇنىن

باكېر

باگائۇدا ھەرىكىتى

باگراتىئون

بالبو

بالبوئا

بالاكېئانۇ

بالتا-لىمان كېلىشىمى

بالدۋىن

بالزاك

بالفۇر

بالفۇر خىتابنامىسى

بالقان ئەھدىنامىسى

بالقان ئۇرۇشى

بالقان ئىتتىپاقى

بالقان ئىتتىپاقى شەرتنامىسى

بالل

بالېمباڭ

بالېۋا

بالى دۆلىتى

بالىتۇڭ بەگلىكى

بالى ئۇرۇشى

بامبۇكزارلىقتىكى بۇددا ئىبادەتخانىسى

بامىيان تاش غارى

بانتېن دۆلىتى

بانتېن خەلق قوزغىلىڭى

بانجېرماسىن

باندارانايىك

باندون يىغىنى

باندۇلا

بانكروفت

بانكوۋىك

بانۇ مىنفېي

بانېرجېئا

باھادىر شاھⅡ

بائۇمان

بائۇئېر

باۋارىيە

باۋارىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى

بائىللىي

بايازدⅠ

بايرون

بايرۇم

بايكوت

بايوننې ئاساسىي قانۇنى

بايېر

بايىننائۇڭ

بەتتانى

بەدر جېڭى

بەر-بەرلەر دۆلىتى

بەسرە زەڭگىلىرى قوزغىلىڭى

بەش بۆلەك تۈزۈمى

بەش تۈتۈننى بىرلىك قىلىش ئۇسۇلى

بەشتىن بىر باج

بەش رويخەتلىك جاكارنامە

بەش كىچىك پايتەخت

بەش ماددىلىق ئەھدىنامە

بەشىنچى كولوننا

بەش ياساۋۇل باش مەھكىمىسى

بەش يۈز كىشىلىك يىغىن

بەگلىك بېگى

بەلازۇرى

بەلخ

بەھمەن خاندانلىقى

بەھمەنىيلەر خاندانلىقى

بەيئەت قىلىش مۇراسىمى

بەيتۇللا

بەيتېڭجياڭ جېڭى

برادلېي

براززا

برازىلىيە ئىمپېرىيىسى

برازىلىيىدىكى گېنېرالغا قاراشلىق رايون

براگا

براگانسا خاندانلىقى

براككې

برانتىڭ

برانكوۋىچ

براندېس

براندېنبۇرگ بەگلىكى

براخما

براخمان

براخماناس

براخمان جەمئىيىتى

براخمان دىنى

براخمان دىنى جەمئىيىتى

برائونشۋېيگ خىتابنامىسى

برائۇچىس

برائۇدېر

برائۇدېر رېۋىزىئونىزمى

براۋا دۆلىتى

برائىس

برەتىئانۇ

بروندال

برونزا قوراللار دەۋرى

برۇتۇس

برۇسې

برۇگگې ئەتىگەنلىك ئىبادەت قوزغىلىڭى

برۇندىسيۇم

برۈنن مىللىي پروگراممىسى

برونو

برۇنى

برۇنىڭ

برېتاگې

برېتىگنى سۈلھ شەرتنامىسى

برېدا خىتابنامىسى

برېژنېۋ

برېست سۈلھ شەرتنامىسى

برېستېد

برېشت

برېنتانوچىلىق

برىئان

برىئان-كېلوگ ئەھدىنامىسى

برېئۇئىل

بريۇسوۋ

بلاج قۇرۇلتىيى

بلاگويىۋ

بلانكى

بلانكى

بلانكىچىلار

بلانكىچىلىق

بلوك

بلوك

بلومبېرگ

بلۇشېر

بلۇم

بېلېست گانا

بليوخېر

بوتتا

بوتسارىس

بوتلېروۋ

بوتېۋ

بوداۋپايا

بودىيۇننى

بور

بورانلىق ئاي قانۇنى

بوربۇن جەمەتىنىڭ ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسى

بوربون سۇلالىسى

بوردېت

بوردېن

بورگۇندى مىراسى

بورن

بورنۇ پادىشاھلىقى

بورنېئو

بورو بۇدۇر

بورودىنو جېڭى

بورىسⅠ

بورىس گودۇنوۋ

بورىنوت

بوزۋېلى

بوسپور پادىشاھلىقى

بوستوندىكى چاي پارتىيىسى ۋەقەسى

بوستون قانلىق ۋەقەسى

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا قوزغىلىڭى

بوسۇن ئوكيا

بوسې

بوكاسو Giovanni Boccaccio)

بوكاگې

بوگدان

بوگدان

بوگومىلچىلەر

بوگسىك

بولشېۋىزم

بولشېۋىك

بولوتنىكوۋ قوزغىلىڭى

بولۋىيىنىڭ 1952-يىلىدىكى ئىنقىلابى

بولۇگنا دىنىي شەرتنامىسى

بۇلغارلار

بۇلغارىيە دېھقانلار ئىتتىپاقى

بۇلغارىيىدىكى سېنتەبر قوزغىلىڭى

بۇلغارىيە شۇڭقارى

بۇلغارىيە كورپۇسى

بۇلغارىيىلىك پەۋقۇلئاددە زاپاس ئارمىيە

بۇلغارىيە مەخپىي مەركىزىي ئىنقىلابىي كومىتېتى

بۇلغارىيە ئىنقىلابى مەركىزىي كومىتېتى

بولېسلاۋⅠ(باتۇر)

بولېسلاۋⅡ (يۈرەكلىك)

بولېسلاۋⅢ (كالچۇك)

بولى سوتى

بولىۋار

بوناپارتچىلار

بوندېتاگېت

بونگايا شەرتنامىسى

بونن شەرتنامىسى

بونومى

بونى ئۇرۇشى

بونىفاسىئو

بونىفاسىئوس

بوئۇۋېنېس ئۇرۇشى

بوۋاق ئەركىنلىك پەرمانى

بوۋنې

بوئېتىئۇس

بوئىسچۇلبېرت

بويار

بوياكا جېڭى

بويلې

بۇبىنوۋ

بۇتتو

بۇتمىر خارابىسى

بۇتو

بۇتۇئان

بۇخارا

بۇخارا دۆلىتى

بۇخارا خانلىقى

بۇخارېست سۈلھ شەرتنامىسى

بۇخارېست كومىتېتى

بۇخارېست يىغىنى

بۇخارىن

بۇداپېشت كېلىشىمى

بۇددا

بۇددا دىنى

بۇدداگايا

بۇدساتۋانىڭ تۆرەلمىش سۇتراسى

بۇرادەرلەر ئۇيۇشمىسى

بۇرادەرلىك (قانداشلىق)

بۇربانك

بۇرتون

بۇرژۇئا سوتسىيالىزمى

بۇركھارت

بۇركې

بۇرگۇندى

بۇرگۇندى خاندانلىقى

بۇرگۇندى كىنەزلىكى

بۇرگۇندى گۇرۇھى

بۇرگېنلاند مەسىلىسى

بۇرلار

بۇرمۇنت

بۇرنس

بۇرىي

بۇسسې

بۇسۇنى

بۇشاتلى خاندانلىقى

بۇشمان مەدەنىيىتى

بۇشې دې پېرتېس

بۇشېز

بۇكانان

بۇكلې

بۇگايىن ۋىللې

بۇلانگېر

بۇلانگېر ۋەقەسى

بۇلاۋىن قوزغىلىڭى

بۇلوۋ

بۇلوۋ ئىتتىپاقى

بۇمارشىس

بۇمەيدىن

بۇناپارت ئاساسىي قانۇنى

بۇناپارتچىلىق

بۇنىن

بۇھېنۋالد جازا لاگېرى

بۇئوناروتتى

بۇئى خاندانلىقى

بۈيۈك ئاساسىي نىزام

بۈيۈك تارىخ

بۈيۈك زىمبابوۋې

بۈيۈك سۈرىيە پىلانى

بۈيۈك سېربىيە ھەرىكىتى

بۈيۈك شاھ ئالفرېد

بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گۈللىنىش چەمبىرىكى

بۈيۈك كولومبىيە

بۈيۈك گېرمانىزم

بۈيۈك گرېتسىيە

بۈيۈك مىللىي پارلامېنت

بۈيۈك نېمىسپەرەسلەر

بۈيۈك ۋيېتنام تارىخىي خاتىرىلىرى

بۈيۈك ۋيېتنام تارىخى قامۇسى

بۈيۈك ياپون ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسىي قانۇنى

بۈيۈك ياپونىيە تارىخى

بۈيۈك ياپونىيە ئىشلەپچىقىرىش پارتىيىسى

بېبېل

بېبىكوۋ

بېتئال

بېتانكۇرت

بېتخوۋېن

بېتلېن

بېتمان ھوللۋېگ

بېھىستۇن ئويما يېزىقى

بېدرېددىن قوزغىلىڭى

بېدنىي

بېدې

بېرانئانگ

بېرانگېر

بېئارد Charles Austin Beard

بېرتانى

بېركېلېي

بېرگېن خاتىرىسى

بېرگسون

بېرلىشىنگېن

بېرلىن پەرمانى

بېرلىن جېڭى

بېرلىندىكى مارت قوزغىلىڭى

بېرلىن-رىم-توكيو ئوق مەركىزى

بېرلىن كېلىشىمى

بېرلىن يىغىنى

بېرنادوت

بېرنارد شاۋ

بېرنخارد كارلگرېن

بېرنارد (كلائىرۋا)

بېرنىشتېيىن

بېرنىشتېينچىلىق

بېرن ئىنتېرناتسىئونالى

بېرن يىغىنى

بېرىنگېم

بېرىيە

بېزانت خانىم

بېسابېس ئىتتىپاقى

بېسارابىيە

بېسانت خانىم

بېقىندى

بېقىنىش مۇراسىمى

بېكارىيا

بېككېر

بېكوروفت

بېكىر گلېبېن ۋەقەسى

بېگرام

بېل

بېلسارىئوس

بېلگالار

بېلگراد پاشا رايونى

بېلگراد سۈلھ كېلىشىمى

بېلگراد قان تۆكۈلمىگەن سىياسىي ئۆزگىرىشى

بېلگىيىنىڭ 1830-يىل ئىنقىلابى

بېللامى

بېللو

بېلىقچىلىق-ئوۋچىلىق ئىگىلىكى

بېلىنسكىي

بېمىس

بېناۋېنتې

بېناۋىدېس

بېنتام

بېنتىنك

بېنگالنى ئۆلكىلەرگە ئايرىش پەرمانى

بېنكوۋىسكى

بېنېدىكتۇس

بېنېدىكتۇس جەمئىيىتى

بېنېس

بېنىن پادىشاھلىقى

بېنيىنفاڭ سۈلۈكى

بېھانزىن

بېئوتىيە

بېۋان

بېۋېرىدگې

بېۋىن

بېي

بېيبۇ قولتۇقى ۋەقەسى

بىئافرا ئۇرۇشى

بىئاك-نا-باتو شەرتنامىسى

بىتەرەپچىلىك

بىجېركنېس

بىخەۋەرلەر پارتىيىسى

بىدئەتچىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى

بىدئەتچىلىك

بىر ئەر - بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم ئاساسىدىكى ئائىلە

بىر تەبىئەتچىلەر مەزھىپى

بىر تۇتاش ئىدارە قىلىش تەرەپدارلىرى

بىركا خارابىسى

بىرلەشكەن تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي نىزامى

بىرلەشكەن ئۆلكىلەر جۇمھۇرىيىتى

بىرلەشمە مېۋە-چېۋە شىركىتى

بىرما-تايلاند ئۇرۇشى

بىرمىلىقلار جەمئىيىتى

بىرمىنىڭ مۇستەقىللىك قانۇنى

بىر نەۋرىلەرنىڭ توي قىلىشى

برۇنې

برىتانىيە جېڭى

بىرىسسوت

بىرىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقى

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى

بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى

بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال

بريۇسسېل شەرتنامىسى

بريۇسسېل يىغىنى

بىسسولاتى-بېرگاماسچى

بىسكپان خارابىسى

بىسمارك

بىكسىئو

بېكىنى ۋەقەسى

بىلاھورا جېڭى

بىلىمپەرەسلەر جەمئىيىتى

بىمبىسارا

بىئوندو

بىئېرۇت

بيەنچېن

بيبلوس خارابىسى

بيۆرىنسون

بۇئېبلولار

بوئىنكارې

بۇتخانا ۋە دىنىي جەمئىيەت بېگى

ئىزاھى

بارتولد

  • بارتولد[يەشمىسى:]Влaдимирович Вaсилий Бaртольд، 1869 — 1930) روسىيىلىك شەرقشۇناس. 1891-يىلى پېتېربورگ ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق تىللىرى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن ئۇزۇن مۇددەت بۇ ئۇنىۋېرستېتتا ئوقۇتۇش تەتقىقاتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، 1900-يىلى شەرق تارىخى بويىچە دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1901-يىلىدىن باشلاپ پروفېسسور بولغان. 1913-يىلى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان.ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن شەرقشۇناسلار كومىتېتىغا ۋە بۇ كومىتېتنىڭ ژۇرنىلىغا رەھبەرلىك قىلغان. شەرقشۇناسلىق كۇتۇپخانىسىنى قۇرغان. كۆپ خىل شەرق تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن، يۇقىرى مەلۇماتلىق ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى، ئەرەب تارىخى ۋە ئىسلام دىنى تارىخ تەتقىقاتىدا كۈچ سەرپ قىلىپ، كاتتا ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇنىڭ: «موڭغۇل ئىستېلاسىدىن بۇرۇنقى تۈركىستان»، «1855 — 1905-يىللىرىدىكى پېتربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق تىللىرى فاكۇلتېتى پائالىيىتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، «ياۋروپا بىلەن روسىيىنىڭ شەرقشۇناسلىق تارىخى»، «خەلىپە ۋە سۇلتان»، «ئىسلام دىنى»، «ئىسلام دىنى مەدەنىيىتى»، «ئىسلام دىنى دۇنياسى» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار. كۆپ توملۇق ئەسەرلىرى بار.

بارتوۋ

  • بارتوۋ[يەشمىسى:]Jean Louis Barthou، 1862 — 1934). فرانسىيە زۇڭلىيسى (1913). فرانسۇز پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى (1918-يىلى). 1884-يىلى ئادۋوكاتلار مۇلازىمەت ئورنى قۇرغان. 1889-يىلىدىن باشلاپ پالاتا ئەزاسى 1922-يىلىدىن باشلاپ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان. جامائەت قۇرۇلۇشى مىنىستىرى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، ئەدلىيە مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. قىسقا مۇددەت زۇڭلى بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە ھەربىي كۈچنى كۈچەيتكەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان. 1919-يىلى پارىژ سۈلھ كېلىشىمىگە قاتناشقان. 1922-يىلى فرانسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، گېنويە يىغىنىغا قاتناشقان. تۆلەم كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، تۆلەم تۆلەش مەسىلىسىدە گېرمانىيىگە نىسبەتەن قاتتىق پوزىتسىيىدە بولغان ھەمدە كىچىك ئانتانتا دۆلەتلىرى قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى فرانسىيىنىڭ ياۋروپادىكى ستراتېگىيىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن. 1934-يىلى 2-ئايدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان، سوۋېت ئىتتىپاقى ھەمدە شەرقىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بىرلىشىشنى «شەرق ئەھدىنامىسى» تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان؛ خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى قوبۇل قىلىشنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللىغان. شۇ يىلى 10-ئايدا، ئېكسكۇرسىيىگە كەلگەن يۇگوسلاۋىيە پادىشاھى ئالىكساندرⅠ بىلەن بىللە مارسېلدا سۇيىقەستكە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ «ھاياتىمدىكى سەيلە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

باردورى قارارى

  • باردورى قارارى[يەشمىسى:]1922-يىلى ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى توختىتىش توغرىسىدىكى قارارى. 1922-يىل 2-ئاينىڭ 11-، 12-كۈنلىرى، گەندى باردورى (Bardori) شەھىرىدە چاقىرغان خەلق كونگرېسى پارتىيىسى خىزمەت كومىتېتىنىڭ جىددىي يىغىنىدا ماقۇللانغان. يىغىن چاۋرا ۋەقەسىنى ئەيىبلەپ ھەمدە ھىندىستاننىڭ غەيرىي زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرگە نىسبەتەن يەنىلا تەييارلىقنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئىسپاتلاپ، ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى قەرەلسىز توختىتىشنى قارار قىلىپ، دېھقانلارنىڭ غەللە-پاراق ۋە باج-سېلىقلارنى تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان، خەلق كونگرېسى پارتىيىسى ئەزالىرىنى تىنچلىق بىلەن قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. قارار خەلق ئاممىسى ۋە خەلق كونگرېسى پارتىيىسىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.

باردو شەرتنامىسى

  • باردو شەرتنامىسى[يەشمىسى:]فرانسىيىنىڭ تۇنىسنى ئۆز ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىش شەرتنامىسى بولۇپ، باردو (Bardo، تۇنىس شەھەر ئەتراپىدا) ئوردىسىدا ئىمزالانغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان.1881-يىلى 4-ئايدا فرانسىيە ئارمىيىسى تۇنىسقا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، 5-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇھەممەد سادىق(Muhammat al Saduq، 1859 — 1882-يىللىرى تەختتە تۇرغان) بەگنى بۇ شەرتنامىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغان، ئۇنىڭدا: فرانسىيە «ئامانلىقىنى ساقلاش» ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تۇنىسنىڭ ھەرقانداق جايىنى ئىگىلەشكە ھوقۇقلۇق؛ تۇنىس ئالدى بىلەن فرانسىيە بىلەن كېڭەشمەي تۇرۇپ، دىپلوماتىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ؛ فرانسىيە باش ۋالىيسى مەسئۇل بولۇپ شەرتنامىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن، 1956-يىلى 3-ئايدا تۇنىس مۇستەقىل بولغاندا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

بارراس

  • بارراس[يەشمىسى:]Paul Francoi Jean Nicolas Vicomtetede Barras، 1755—1829). فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە تۇمۇز ئاي پارتىيىسىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1789-يىل 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، باستىلىيە تۈرمىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتناشقان، كېيىن ياكوبىنچىلار كلۇبىغا قاتناشقان. 1792-يىلى خەلق ئۇيۇشمىسىغا سايلىنىپ، لۇئى ⅩⅥ نى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشنى قوللىغان. 1793-يىلى خەلق ئۇيۇشمىسىنىڭ مەخسۇس خادىمى بولۇپ، جەنۇبتىكى رايونلارغا ئەۋەتىلىپ، گروندىچىلار ۋە خانپەرەسلەرنىڭ قالايمىقانچىلىقىنى تىنچىتقان ھەمدە تولۇندا ناپولېئون بىلەن تونۇشقان. 1794-يىلى تۇمۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىنىڭ ئاساسلىق پىلانلىغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، قوشۇننى باشلاپ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا روبىسپېررې قاتارلىق كىشىلەرنى قولغا ئالغان. تۇمۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ئىچكى قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان ھەمدە ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتى ۋە خەلق ئۇيۇشمىسىدا مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغان. پارىژ خەلقىنىڭ يېڭى ئاي قوزغىلىڭى ۋە چوپان ئاي قوزغىلىڭىنى باستۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ناپولېئوننى ئىشقا قويۇپ، خانپەرەسلەرنىڭ ئۈزۈم پىششىقى ئېيىنىڭ 13-كۈنىدىكى توپىلىڭىنى تىنچىتقان. 1795-يىلى 11-ئايدا بەش نەپەر تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ بىرى بولغان. 1797-يىلى مېۋە پىششىقى ئېيىنىڭ 18-كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭ ھوقۇقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان. 1799-يىلى تۇمانلىق ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان، شۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن قايتا شۇغۇللانمىغان. ئۇنىڭ «ئەسلىمە» ناملىق ئەسىرى بار.

بارروت

  • بارروت[يەشمىسى:]Camille Hyacinthe Odilon Barrot، 1791 — 1873). فرانسىيە زۇڭلىسى (1848 — 1849). 1814-يىلى ئالىي ئەرزىيەت سوتىنىڭ ئادۋوكاتى بولغان، لىبېرال ئاقلىغۇچى سۈپىتى بىلەن داڭق چىقارغان. «ئۆز كۈچىگە تايانغۇچىلار تەڭرىنىڭ ھىممىتىگە ئېرىشىدۇ» (Aide - toi, lecielt,aidera) جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، قانۇنىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بۇربون تىرىلىش ھۆكۈمىتىگە قارىتا تاقابىل تۇرغان. 1830-يىلى ئىيۇل ئىنقىلابى مەزگىىلدە لۇئى فىلىپپىي (Louis - Philippe) نىڭ خانلىق ئورنىغا چىقىشىنى قوللىغان. 1830 — 1848-يىللىرى ئارىلىقىدا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى بولغان. لىبېرال خاندانلىق ئۆكتىچىلىرىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1846 — 1847-يىللار ئارىلىقىدا زىياپەت ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، گراژدانلارنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىش، جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1848-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن مۆتىدىل جۇمھۇرىيەتچىلەرگە قاتناشقان ھەمدە لۇئى بۇناپارتنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېت زۇڭلىسى بولغان. 1851-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن بىر مەھەل قاماققا ئېلىنغان، ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان.

باركلاي دې توللى

  • باركلاي دې توللى[يەشمىسى:]Михаил Богданович БарклайдеТолли، 1761 — 1818)روسىيە مارشالى. ئاتا-بوۋىسى شوتلاندىيىلىك ئاقسۆڭەك بولۇپ، رىگادا تۇغۇلغان. روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىغا(1787— 1791) ۋە روسىيە-شۋېتسىيە ئۇرۇشىغا (1788 — 1790، 1808 — 1809)قاتناشقان. 1809-يىلى فىنلاندىيە باش ۋالىيسى بولغان. 1810-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1812-يىلى ناپولېئون روسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، غەربىي سەپ بىرىنچى جىتۈەنجۈننىڭ قوماندانى بولغان ھەمدە پۈتۈن ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلغان. بورودىنو جېڭىدە ئوڭ يۆنىلىش ۋە ئوتتۇرا يۆنىلىش ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلغان. 1813-يىلى كۇتۇزۇفقا ۋارىسلىق قىلىپ، روسىيە-پروسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، فرانسىيە ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. 1814-يىلى پارىژنى ئىشغال قىلىشقا قاتنىشىپ، مارشاللىققا كۆتۈرۈلگەن، ئىككىنچى يىلى كىنەز دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

بارلوۋ

  • بارلوۋ[يەشمىسى:]Joel Barlow، 1754 — 1812). ئامېرىكىلىق مەرىپەتپەرۋەر مۇتەپەككۇر. كوننېستكۇت شتاتىدا تۇغۇلغان. 1778-يىلى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1780 — 1783 -يىللىرى ئارمىيىدە پوپ بولغان. 1783 — 1787 — يىللىرى خارتېفوردقا بېرىپ ئورۇنلاشقان. «ئامېرىكا پوچتىسى» ئايلىق ژۇرنىلىنى چىقارغان. 1788-يىلى فرانسىيىگە بېرىپ سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. 1790 — 1792-يىللىرى ئەنگلىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قېلىپ، پائىنې قاتارلىق كىشىلەر بىلەن تونۇشقان، «ئىمتىيازلىق تەبىقىگە سەمىمىي نەسىھەت» نى ئېلان قىلىپ، فېئوداللار تەبىقىسىنىڭ ئىمتىيازى ۋە پادىشاھلىق تۈزۈمگە قارشى تۇرغاچقا، فرانسىيىگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان. 1795 — 1796- يىللىرى ئامېرىكىنىڭ ئالجىرىيىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىمالىي ئافرىقىدىكى ھەرقايسى ئەرەب ئەللىرىنىڭ تىنچلىقى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. 1805-يىلى ئامېرىكىغا قايتقان. 1811-يىلى ئامېرىكىنىڭ فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولۇپ، ناپولېئون بىلەن سودا توختامى تۈزۈشكە كېتىۋېتىش سەپىرىدە موسكۋادىن چېكىنگەن قوشۇننىڭ مۇھاسىرىسىگە دۇچ كېلىپ قېلىپ، ئاچلىقتىن توڭلاپ ئۆلگەن. فرانسىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ دېگەندەك دېموكراتىيە بولمىغانلىقىغا قارىتا تەنقىد قىلغان. ئۇ، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىدراك ۋە ئەركىن ئىدىيە ئارقىلىقلا ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، بۇرژۇئازىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى «ئەركىن ئىدىيىنىڭ گەۋدىلىنىشى» بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ «فرانسىيە خەلق ئۇيۇشمىسىغا يېزىلغان مەكتۇپ» دېگەن ئەسىرى، «كولۇمبىيە ئەخلاقى» دېگەن شېئىرى بار.

بارناۋې

  • بارناۋې[يەشمىسى:]Antoine Pierre Joseph Marie Barnave،(1761 — 1793). فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى دەۋرىدىكى فېئوئىللانتچىلار (Feuillants) نىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئىنقىلابتىن بۇرۇن گرېنوبل پارلامېنتىنىڭ تەپتىشى بولغان. 1789-يىلى ئۈچىنچى دەرىجىلىكلەر ۋەكىلى بولۇپ، ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقان خەلق پارلامېنتىنى تەشكىللەپ سېتكا توپ مەيدانىدا قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، ئىپادىسى بىرقەدەر قەتئىي بولغان. بۈيۈك ئىنقىلاب باشلانغاندا پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلاردىن بولۇپ قالغان. لامېت، دۈپورتلار بىلەن بىرگە فېئوئىللانتىس كۇلۇبى قۇرۇپ، «ئۈچ تەرەپ ئىتتىپاقى» بولۇپ، ياكۇبىنچىلار بىلەن قارشىلاشقان ھەمدە ئوردىدىكىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالغان. 1791-يىلى 6-ئايدا كورۇل چەتكە قېچىپ تۇتۇلغاندىن كېيىن، خانلىق ھاكىمىيەتنى قوغداپ، ئىنقىلابنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 9-ئايدا، قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دائوپىنې (Dauphine)غا قايتىپ، خەلق قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى بولغان. 1792-يىلى ئۇنىڭ خان ئوردىسىدىكى مەخپىي تۆمۈر ئىشكاپى سېزىلگەندىن كېيىن ئوردا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەدرىجىي ئاشكارىلىنىپ، قولغا ئېلىنىپ، كېيىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. ئۇنىڭ «فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمىسى» دېگەن ئەسىرى بار.

بارون

  • بارون[يەشمىسى:]ياۋروپادىكى مەرتىۋە-ئۇنۋان نامى (فرانسۇز، ئىنگلىزچە baron، نېمىسچە Baron، روسچە БapoH). Ⅺ — ⅩⅢ ئەسىرلەردە، غەربىي ياۋروپادىكى فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەرتىۋە-ئۇنۋانى بولۇپ، پادىشاھ ياكى چوڭ فېئوداللارغا بېقىنغان. كېيىن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بىرخىل مەرتىۋە-ئۇنۋانىغا ئايلانغان، ئورنى ۋىكونت (Vicomte) دىن تۆۋەن تۇرىدۇ. روسىيىدە ئىمپېراتور پېتېر دەۋرىدىن تارتىپ، بالتىق دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى گېرمان ئاقسۆڭەكلىرى ئۈچۈن بۇ خىل مەرتىۋە-ئۇنۋانىنى تەسىس قىلغان. 1917-يىلى بىكار قىلىنغان.

بارۇژا

  • بارۇژا[يەشمىسى:]i(Pio Baroja Y Nessi، 1872 — 1956) ئىسپانىيىدىكى باسىك مىللىتىدىن چىققان يازغۇچى. ئۇ، سان سېتىياندا دۇنياغا كەلگەن. دوختۇر، بولكا دۇكىنى خوجايىنى، ئاخبارات خىزمەتچىسى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، «1898-يىلدىكى بىر ئەۋلاد» يازغۇچىلاردىن بىرى بولۇپ قالغان، كاتولىك دىنىغا قارشى تۇرغان، ئەينى ۋاقىتتىكى جەمئىيەتتىن نارازى بولغان، ئىنكارچىلىق ئىدىيىسىدە بولغان. ئىسپانىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئىنقىلابقا قارىتا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغان. فرانسىيىگە بېرىپ پاناھلانغان. ئۇ 80 دىن كۆپرەك رومان ۋە ئون نەچچە توم ماقالە يازغان بولۇپ، كۆپىنچىسىنىڭ مەزمۇنىدا باسىكلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئىسپانىيە پادىشاھى چارلېس Ⅰنىڭ ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن ئۈچ قىسىملىق «ھاياتلىق ئۈچۈن رىقابەت» تارىخى رومان «بىر پائالىيەتچىنىڭ ئەسلىمىسى» قاتارلىقلار بار.

بارسېلونا بەگلىكى

  • بارسېلونا بەگلىكى[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىبرىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى فېئودال بەگلىك. مىلادى Ⅸ ئەسىردە ئىسپانىس ماركدىن بۆلۈنۈپ چىققان بولۇپ، مەركىزى بارسېلونا (Barcelona) شەھىرى. 1137-يىلى ئاراگون پادىشاھلىقىغا قوشۇلغان.

بازار رەستىسى

  • بازار رەستىسى[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى شەھەر سودا تەشكىلاتى. بۇ ئەسلىدە كۇرىيە خانلىقى شىزۇڭنىڭ 4-يىلى (1208-يىلى) پايتەخت كېگوڭا قۇرۇلغان سودا بازىرى رەستىسىدىن كېلىپ چىققان. لى سۇلالىسى دىڭجوڭنىڭ تۇنجى يىلى (1399-يىلى) پايتەخت سېئولدىكى قوڭغۇراق كوچىسىدا رەستە ئېچىلىپ، سودا دۇكانلىرى ياسىلىپ، سودىگەرلەرگە ئىجارىگە بېرىلىپ، بەلگىلەنگەن باھا بويىچە ھۆكۈمەتنى زۆرۈر ماللار بىلەن تەمىنلەش شەرتى بىلەن ئۇلارغا خاس بىر خىل مال سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمتىيازى بېرىلگەن. بۇ خىل سودىدا ئالتە كەسپىي ساھە بار بولۇپ، بۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ئېھتىياجىغا بېقىپ ئۆزگىرىپ تۇرغان. ھەرقايسى رەستىلەردە كەسپىي تەشكىلاتلار بولۇپ، دۇجۇڭ دەپ ئاتالغان. قاتناشقۇچىلار قاتنىشىش فوندى ۋە ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرغان. ھۆكۈمەت ئۇلاردىن رەستە بېجى ئالغان. بازار رەستىسى ئۆزلىرىنىڭ خاس مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىلارنى قولغا ئېلىش، ئۇلارنىڭ ماللىرىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە ھەتتا ئېغىرلىتىپ جەرىمانە قويۇشتەك ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولغان. بازار رەستىسى تۈزۈمى شەھەر سودىسىنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىۋېلىپ، خۇسۇسىي سودىگەرلەرنى باسقانلىقتىن، ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ راۋاجلىنىشىغا توسقۇن بولۇپ قالغان. 1894-يىلدىكى جياۋۇ ئىسلاھاتى ۋاقتىدا بازار رەستىسىنىڭ ئىمتىيازى بىكار قىلىنغان.

بازغانچىلار قوزغىلىڭى

  • بازغانچىلار قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] 1382-يىلى پارىژدىكى قول سانائەتچىلەر ۋە ئۇششاق سودىگەرلەر قوزغىغان قوزغىلاڭ. يۈز يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە (1337 — 1453)، فرانسىيە ھۆكۈمىتى ھەربىي خىراجەت تەييارلاش ئۈچۈن، باج-سېلىقنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1382-يىلى 1-ئايدا يەنە ۋاسىتىلىك بېجى ئېلىشنى قارار قىلغان، بۇ قوزغىلاڭغا سەۋەبچى بولغان. 3-ئايدا، تەخمىنەن 4000 قوزغىلاڭچى ھەربىي قورال-ياراق ئىسكىلاتىدىن بازغان قاتارلىق قوراللارنى بۇلاپ (قوزغىلاڭچىلار شۇنىڭ بىلەن «بازغانچىلار» دەپ نام ئالغان)، باجگىرلارنى ئۆلتۈرگەن، بايلار ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۆي-جايلىرىنى ۋەيران قىلغان. دەسلەپ يۇقىرى قاتلام شەھەر ئاھالىسى قوزغىلاڭغا قوشۇلغان، كېيىن ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، قوزغىلاڭچىلار رەھبەرلىرىگە ساتقىنلىق قىلغان. شۇ يىلى 11-ئايدا قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.

باستىئات

  • باستىئات[يەشمىسى:]Frédéric Bаstiаt، 1801 — 1850). فرانسىيىلىك ئىقتىسادشۇناس، چاكىنا ئىقتىسادشۇناسلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ماسلىق نەزەرىيىنى تەكىتلىگۈچى. ئۇ فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر ھاراق سودىگىرى ئائىلىسىدە توغۇلغان. دەسلەپتە سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن يەرلىك تەپتىش بولغان. كېيىنچە ئىقتىسادشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەركىن سودىنى ئاكتىپ تەرغىپ قىلغان. ئەركىن ئالماشتۇرىدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما داۋامىدا، كىشىلەر ئۆزئارا مۇلازىمەت قىلىشسا، پايدا-زىيان توقۇنۇشى بولمايدۇ، شۇندىلا ئىقتىسادىي ماسلىققا يەتكىلى بولىدۇ. قىممەت — ئالماشتۇرۇلىدىغان ئىككى خىل مۇلازىمەت مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت؛ مۇلازىمەتنى ئۆلچەش مىزانى مۇلازىمەتچىنىڭ تىرىشچانلىق ۋە جىددىيلىك دەرىجىسى ھەمدە مۇلازىمەت قىلىنغۇچىنىڭ تىرىشچانلىق ۋە جىددىيلىكتىن قۇتۇلۇش دەرىجىسىدىن ئىبارەت. ئۆسۈم — كاپىتال بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ ئۆز ئىستېمالىنى كېچىكتۈرۈش بەدىلىگە ئېرىشكەن ھەق. يەر ئىجارىسى — يەرگە ئىگە بولغۇچىنىڭ، يەرگە مەبلەغ سېلىپ ئىگە بولىدىغان ئۆسۈمى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە مۇلازىمەت مۇلازىمەتكە ئالماشتۇرۇلىدۇ دەپ قارىغان. قوغدانمىچىلىق سىياسىتى مونوپولىيىنى تەشەببۇس قىلغاچقا، ئەركىن سودىغا توسالغۇ بولىدۇ، شۇڭا ئىقتىسادىي ماسلىققا توسالغۇ بولىدۇ؛ ئەركىن ئالماشتۇرۇش كىشىلەرنىڭ ھەقلىق مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئازايتىپ، تەبىئىي ھەقسىز مۇلازىمەتنى ئاشۇرۇپ، خۇسۇسىي ئامىللارنى ئۈزلۈكسىز چېكىندۈرىدۇ ۋە ئومۇمىيلىق ئامىللارنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا كوممۇنىزمغا يەتكىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ «ئىقتىسادىي نەيرەڭۋازلىق توغرىسىدا»، «ئىقتىسادىي ماسلىق نەزەرىيىسى» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار.

باستىلىيە تۈرمىسى

  • باستىلىيە تۈرمىسى[يەشمىسى:]فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى بىر قەلئە ۋە تۈرمە. 1370-يىلى ياسىلىشقا باشلاپ 1382-يىلى پۈتكەن. پۈتكۈل قەلئە غايەت زور سەككىز مۇناردىن تەركىب تاپقان. مۇنارلار ئېگىزلىكى 24 مېتر، كەڭلىكى ئۈچ مېتر كېلىدىغان سېپىل ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ ئوتتۇرىسىدا چوڭ ھويلا بار. تۆت تەرىپىگە 26 مېتر كەڭلىكتە، سەككىز مېتر چوڭقۇرلۇقتا خەندەك كولانغان. ياسالغاندىن كېيىنكى ئىككى ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئىزچىل تۈردە ھەربىي ئىشلار قورغىنىلىق ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئاساسەن چەتتىن كەلگەن تاجاۋۇزچىلاردىن قوغدىنىلغان. ⅩⅦ ئەسىردىن باشلاپ مەخسۇس سىياسىي مەھبۇسلارنى سولايدىغان دۆلەت تۈرمىسى بولغان. فېئودال مۇستەبىت تۈزۈمىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان. 1789-يىل 7-ئاينىڭ 14-كۈنى پارىژ خەلقى باستىلىيە تۈرمىسىگە ھۇجۈم قىلىپ، فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنى باشلىغان. كېيىن يەنە ئۇنى بۇزۇۋېتىپ، ئورنىغا باستىلىيە مەيدانى ياسىغان.

باسسېت

  • باسسېت[يەشمىسى:]John Spencer Bassrtt، 1867 — 1928). ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس. 1888-يىلى سەنيى (ئامېرىكىدىكى دىنىي ئىنستىتۇت) ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1894-يىلى خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە دوكتۇرى ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1893 — 1906-يىللىرى سەنيى ئىنستىتۇتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى بولغان. 1904-يىلىدىن كېيىن سمىت ئىنستىتۇتىنىڭ تارىخ پروفىسسورى بولغان. ئۇنىڭ: «شىمالىي كارولىنا ئاساسىي قانۇنىنىڭ بارلىققا كېلىشى»، «شىمالىي كارولىنا مۇستەملىكىسىدىكى قۇللۇق تۈزۈم ۋە قۇل قىلىش»، «شىالىي كارولىنادىكى قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرغۇچى داھىي»، «فېدېراتىپ تۈزۈم»، «ئاندېرى. جېكسوننىڭ تەرجىمىھالى»، «ئامېرىكا تارىخىدىن ئومۇمىي مەلۇمات»، «بىزنىڭ گېرمانىيە بىلەن قىلغان ئۇرۇشىمىز» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

باسقاق تۈزۈمى

  • باسقاق تۈزۈمى[يەشمىسى:]ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ⅩⅣ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە موڭغۇلىيە ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ئولپان يىغقۇچى ئەلچىلىرىنىڭ روسىيىدە قۇرغان بىرخىل ھەربىي-سىياسىي تەشكىلاتى. باسقاق ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، موڭغۇلچە دارۇغاچ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشاش. 1257-يىلى ئالتۇن ئوردا خانلىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەمەلدار ئەۋەتىپ، نوپۇسنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئولپان بې جىنى، ترانسپورت سېلىقى ۋە ھەربىي سېلىقنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلغان. باجنىڭ تاپشۇرۇلۇشى، سېلىقنىڭ ئادا قىلىنىشى ئۈستىدە ئۇزاق مۇددەت قاتتىق نازارەت قىلىپ ۋە ئاھالىلەرنى تەكشۈرۈپ، پۈتكۈل روسىيىگە بولغان سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرى زورلۇق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، روسىيە خەلقىنى ئون تۈتۈن، 100 تۈتۈن، 1000 تۈتۈن ۋە 10 مىڭ تۈتۈن بويىچە تەشكىللەپ ھەمدە ئۇلارنى باشقۇرۇشقا ئەمەلدار قويغان. بۇنداق ئالاھىدە ھەربىي -سىياسىي تەشكىلات باسقاقنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشى شەرت ئىدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى موڭغۇللار ئىدى. بۇ تۈزۈم 1257-يىلى ۋلادىمىر سوزدال رايونىدا ئاۋۋال يولغا قويۇلۇپ، كېيىن ھەرقايسى جايلاردا ئومۇملاشتۇرۇلغان. نوۋگورود، روستوۋ، سوزدال قاتارلىق جايلاردىكى روسىيە خەلقىنىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىقى ئارقىسىدا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا باج يىغىش ھوقۇقىنى روسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بەگ-كىنەزلەرنىڭ ۋەكالىتەن يۈرگۈزۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە كەلگەندە يەنە باسقاق تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

باسلېئۇس

  • باسلېئۇس[يەشمىسى:] بۇ يۇنانچە (Basileus) نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ «خان» دېگەن مەنىدە. قەدىمكى يۇناندىكى گومېر دەۋرىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىرلەرگىچە) قەبىلە ھەربىي ئىشلار باشلىقىنىڭ ئاتىلىشى. ئۇرۇق ئىچىدىكى ياش-قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر (جەڭچىلەر) ئىچىدىن تاللىنىدۇ، ئادەتتە ۋارىسلىق قىلىنمايدۇ، تىنچلىق ۋاقتىدا ئەڭ ئالىي كاھىن ۋە قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى بولۇپ؛ ئۇرۇش مەزگىلىدە قوشۇنغا باش بولىدۇ، ئۇرۇش مەيدانىدا جەڭچىلەرنى ھايات قالدۇرۇش ياكى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بولىدۇ. يۇنان ئۇرۇقچىلىق تۈزۈمىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە سىنىپىي جەمئىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ مۈلۈككە ۋە قۇلغا ئىگە بولۇپ، بارغانسېرى جامائەتتىن ئايرىلىپ، ئىمتىيازلىقلاردىن بولۇپ قالغان. كېيىنچە ھاكىمىيەت بېشىدىكى تۆرىگە ئايلانغان. ئافىنادىكىگە ئوخشاش، تەخمىنەن مىلادىدى-ن 682 يىل ئىلگىرى «كىنەزلىك ھاكىمىيىتى» ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. كىنەزلىكنىڭ كونسۇلى (archon Basileus) باش كونسۇلنىڭ كەينىدىلا تۇراتتى، ئاساسەن دىنىي ئىشلارنى ۋە قەبىلە ئىشلىرىنى باشقۇراتتى. كېيىنچە يۇنانلاشقان ھەرقايسى ئەللەر ۋە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى «باسلېئۇس» نى خانلارنىڭ ئۇنۋانى ئورنىدا قوللانغان.

باسېل خىتابنامىسى

  • باسېل خىتابنامىسى[يەشمىسى:] يەنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇشتا ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش خىتابنامىسى». 1912-يىل 11-ئاينىڭ 24-، 25-كۈنلىرى شۋېتسارىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ توققۇزىنچى قېتىملىق پەۋقۇلئاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان. شۇ ۋاقىتتىكى جاھانگىرلىك ئۇرۇش تەھدىتىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان ئەھۋالىغا ئاساسەن، جاھانگىرلارنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، جاھانگىرلارنىڭ ئۇرۇش قوزغاپ تالان-تاراج قىلىشتىكى جىنايى مۇددىئاسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنى بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنى «پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىنىڭ پارىژ كوممۇنىسى ئىنقىلابىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىنىڭ روسىيە خەلقىنىڭ ئىنقىلابى ھەرىكىتىنى قوزغىغانلىقىدەك» تارىخىي مىساللارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان ھەمدە جاھانگىرلار ئۇرۇش قوزغاشقا پېتىنىدىغان بولسا، ياۋروپا پرولېتارىياتى «كەسكىن تەدبىر قوللىنىدۇ» غانلىقىنى ئىپادىلىگەن. يەنە «ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشنىڭ مۇقەررەر ھالدا پرولېتارىيات ئىنقىلابىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ پرولېتارىيات ئىنقىلابى ئالدىدا قورقۇنچلۇق ھېس قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تىنچلىقنىڭ ئىنتايىن ئىشەنچلىك كاپالىتى ئىكەنلىكىنى» كۆرسەتكەن. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى سوتسىيالىستلارنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشتىكى ۋەزىپىسى ۋە تاكتىكىسىنى بەلگىلىگەن. بۇ خىتابنامە خەلقئارا پرولېتارىياتنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشتىكى جەڭگىۋار بايراق ئىدى. لېنىن «بۇ قارار ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇشتىكى نۇرغۇنلىغان تەشۋىقات تەرغىبات ھۈججەتلىرىنى يەكۈنلەپ، سوتسىيالىستلارنىڭ ئۇرۇشقا قارىتا كۆز قارىشى ۋە تاكتىكىسىنى ئەڭ توغرا ۋە ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ تەنتەنىلىك ۋە رەسمىي بايان قىلغان» دەپ كۆرسەتكەن(«لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى» 2-توم خەلق نەشرىياتى 1960-يىلى نەشرى 615-بەت).ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىكى ئاغمىچىلاردىن كائۇتسكى ۋە ۋاندېرۋېلدې قاتارلىق كىشىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا پرولېتارىيات ئىنقىلابىي كۈرىشىنىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ، خىتابنامىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن؛ ئەمما 1914-يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇلار ئاشكارا ھالدا خىتابنامىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆز دۆلىتىدىكى جاھانگىرلار تەرىپىدە تۇرغان.

باسېل دىنىي يىغىنى

  • باسېل دىنىي يىغىنى[يەشمىسى:] 1431-يىل 7-ئايدىن 1449-يىل 4-ئايغىچە باسېل شەھىرىدە ئېچىلغان كاتولىك دىنىي يىغىنى. پاپا مارتىنۇسⅤ(MartinusⅤ، 1417 — 1431- يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ئېچىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەچكە، يېڭى پاپا ئېۋگىنىئوس Ⅳ (EuginiusⅣ، 1431 — 1447-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىنغا مۇقەددەس رىم ئىمپېراتۇرى سىگسىمۇند قاتارلىق غەربىي ياۋروپادىكى كورۇللار ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتنىڭ ئېپىسكوپلىرى قاتناشقان. يىغىن چېخ خوس ھەرىكىتىنى پارچىلاپ تاشلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئوڭ قانىتى كالىكىسچىلار بىلەن مۇرەسسە قىلغان.يىغىن يەنە كىنەزلەر ھوقۇقىنى پاپادىن ئۈستۈن قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، پاپانىڭ ھەرقايسى ئەللەردىكى روھانىي خادىملارنى تەيىنلەش ھوقۇقىنى چەكلىگەن. پاپا ئېگېنئوس Ⅳ يىغىن قارارلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغان. 1438-يىلى ئېگېنئوس Ⅳ قايتىدىن فېررارا (Ferrara ئورنى ئىتالىيىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە) دا يىغىن چاقىرغان (كېيىن فلورېنسىيىگە يۆتكىلىپ ئېچىلغان) باسېل يىغىنى ئېگېنئوس Ⅳ نى بىدئەت دەپ جاكارلاپ، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. 1439-يىلى قايتىدىن فېلىكىسⅤ (FelixⅤ، 1383 — 1451) نى پاپالىققا سايلىغان. كېيىن ئېگېنئوس فرانسىيە كورۇلى ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورىغا مەلۇم جەھەتتە يول قويۇپ، نۇرغۇنلىغان پادىشاھلارنىڭ ئۆز تەرىپىنى قىلىشقا تۈرتكە بولغان. 1449-يىلى باسېل يىغىنى ئېگېنئوسنىڭ ۋارىسى نىكولاسⅤ(NicholasⅤ، 1447 — 1455-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نى قانۇنىي پاپا دەپ ئېتىراپ قىلغان، ئاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن تارقاپ كەتكەن. فېلىكىس Ⅴ مۇ تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان.

باسسى

  • باسسى[يەشمىسى:]Ugo Bassi، 1801 — 1849) ئىتالىيىلىك ۋەتەنپەرۋەر زات، گارىبالدىنىڭ سەپدىشى. ئەسلىدە مىسسىئونېر بولۇپ، 1840-يىلى ھۈرىيەتچىلەرنىڭ تەشەببۇسىغا ئېتىقاد قىلغاچقا، دىنىي ۋەزىپىدىن بىكار قىلىنغان. 1848-يىلى ئاۋسترىيە ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە رىم پاپالىقى تەۋەلىكىدە قۇرۇلغان پىدائىيلار قوشۇنىغا كىرىپ، ۋېنېتسىيىنى قوغداش جېڭىگە قاتناشقان. 1849-يىلى رىم جۇمھۇرىيىتىنى قوغداش جېڭىگە قاتناشقان، جۇمھۇرىيەت يوقالغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيىلىكلەر تەرىپىدىن تۇۇتلۇپ، ئۆلتۈرۈلگەن.

باسىلⅠ

  • باسىلⅠ[يەشمىسى:]BasilⅠ، تەخمىنەن 813 — 886-يىللار) ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى، پادىشاھى (867 — 1886). ماكېدونىيە خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. ماكېدونىيىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كېيىن ئوردىغا كېلىپ، پادىشاھ مىخائىل Ⅲ نىڭ ئىشەنچسىگە ئېرىشكەن. مىلادى 866-يىلى ئىككى پادىشاھنىڭ بىرى بولۇپ، مىخائىل Ⅲ بىلەن بىرگە دۆلەتنى ئىدارە قىلغان. ئىككىنچى يىلى مىخائىل Ⅲ نى ئۆلتۈرۈپ، ھاكىمىيەتنى يالغۇز ئىگىلىگەن. 872-يىلى ئەسكەر چىقىرىپ پائۇلوسچىلارنى باستۇرغان، ئەرەبلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن، فرانسىيە ۋە پاپا بىلەن ئىتتىپاقلاشماقچى بولۇپ، پاپا بىلەن قارىمۇ قارشى بولغان كونستانتىنوپولنىڭ ئارخىئېپسكوپى پوتىيۇسنى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىغان (867). ئۇرىئا خاندانلىقىنىڭ ئەيسا ئىلاھ ھەيكىلىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، موناستر ۋە چېركاۋلارنى كۆپلەپ سالدۇرغان.

باسىلⅡ

  • باسىلⅡ[يەشمىسى:]BasilⅡ تەخمىنەن 958 — 1025) ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى پادىشاھى (976 — 1025). رومائىن Ⅱ نىڭ چوڭ ئوغلى. مىلادى 963-يىلى بالىلىق دەۋرىدىلا ئىنىسى كونستانتىن Ⅷ (ConstantineⅧ، تەخمىنەن 960 — 1028) بىلەن بىرلىكتە خانلىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلغان. 976-يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت سورىغان. 976 — 979-ۋە 987 — 989-يىللىرى، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ بارداس سكلېرۇس (Bardas Sclerus) بىلەن بارداس فوكاس ( Bardas Phocas) باشچىلىقىدىكى كىچىك ئاسىيا ھەربىي ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرغان. خانلىق ھوقۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، دىندىن سىرت چوڭ يەر ئىگىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ، ئاساسلىق باج مەنبەسى ۋە لەشكەر مەنبەسى بولغان ئەركىن دېھقانلارنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىپ، ئۇلارنى بەربات بولۇشتىن خالاس قىلغان، سىرتقا قارىتا ئەرەبلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، سۈرىيىگە تەۋە بولغان ئالېپپو (Aleppo) شەھىرى بىلەن خومس (Homs) شەھىرىنى ھەمدە مېسوپوتامىيىنىڭ كۆپ قىسىم جايىنى قايتىدىن ئىگىلىگەن؛ 30 يىلچە ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، 1080-يىلى تۇنجى بۇلغار خانلىقىنى يوقاتقان، ئۇنىڭ ۋاسىتىسى ئىنتايىن قەبىھ بولغاچقا «بۇلغارلارنى ئۆلتۈرگەن جاللات» دەپ ئاتالغان.

باش نازارەتچى

  • باش نازارەتچى[يەشمىسى:] ياپونىيە كاماكۇرا، مۇروماچى دەۋرلىرىدىكى يەرلىك ئەمەل نامى. دەسلەپكى ئاتىلىشى باش تۇتقاۋۇل. 1185-يىلى مىنا موتو سۇلالىسى دەۋرىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ۋەزىپىگە تىننوغا ئىشەنچلىك سامورايلار قويۇلغان. بىر بەگلىككە (ئومۇمەن ھازىرقى بىر ناھىيىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى زېمىنىغا توغرا كېلىدۇ) بىر نەپەر باش نازارەتچى قويۇلغان، بەزى باش نازارەتچى بىرنەچچە بەگلىكلەرنى قوشۇمچە باشقۇرغان. ئۇلار شۇ بەگلىكنىڭ ئارمىيە، ساقچى كاتتىبېشى بولۇپ، يەرلىك تەرتىپنى ساقلاش، سامورايلار ئۈستىدىن نازارەت قىلىش، نۆۋەت بىلەن ۋەزىپە ئۆتەيدىغان سامورايلارنى يىغىش، ئىسيان كۆتۈرگەن ۋە ئادەم ئۆلتۈرگەن جىنايەتچىلەرنى قولغا ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ كەلگەن. مۇروماچى دەۋرىدە باش نازارەتچىلەر قورۇق غوجىدارىدىن ئىجارە، باج يىغىشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقى تېخىمۇ كېڭەيگەن ھەمدە ئاشىكاگا كازومى ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك بېقىندى ئەمەلدارى بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىپ، رايون خاراكتېرلىك فېئودال خوجىلارغا ئايلىنىپ «باش نازارەتچى تۆرە» دەپ ئاتالغان. نورى خىتو مالىمانچىلىقىدىن كېيىن ئاز ساندىكى باش نازارەتچىلەردىن باشقا كۆپىنچىسى ۋەيران بولغان. بۇنىڭ ئورنىغا كۈچلۈك بېقىندى ئەمەلدار باش كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر تۆرىلىرىگە ئايلانغان.

باغداد شەرتنامىسى

  • باغداد شەرتنامىسى[يەشمىسى:] تولۇق نامى «ئىراق بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىق ئەھدىنامىسى» 1955-يىل 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىراق بىلەن تۈركىيە ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئىمزالىغان. شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان. ئاساسىي مەزمۇنى: شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئەدە ھەمكارلىشىشى كېرەك؛ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقانداق دۆلەت ياكى بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە تىنچلىقىغا ئاكتىپ كۆڭۈل بۆلگەن دۆلەتلەر بۇ ئەھدىنامىگە قاتناشسا بولىدۇ دېگەنلەردىن ئىبارەت. ئەنگلىيە، پاكىستان ۋە ئىران 1955-يىلى 4-ئايدا، 9-ئايدا ۋە 11-ئايدا ئىلگىرى-كېيىن قاتناشقان، شۇ يىلى 11-ئايدا مەزكۇر ئەھدىنامىگە ئاساسەن باغداد شەرتنامىسى تەشكىلى رەسمىي قۇرۇلۇپ، دائىملىق كېڭەش مەجلىسى تەسىس قىلىنغان. ئامېرىكا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە بۇ شەرتنامە تەشكىلاتىغا قاتناشقان، باش شتاب ئەسلى باغدادتا تەسىس قىلىنغان. 1958-يىلى 7-ئايدا ئىراق فېئودال خاندانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، باش شتاب تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە يۆتكەلگەن. 1959-يىلى 3-ئايدا ئىراق بۇ شەرتنامىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. شۇ يىلى 8-ئايدا باغداد شەرتنامىسى تەشكىلاتى «مەركىزىي شەرتنامە تەشكىلاتى» غا ئۆزگەرتىلگەن.

باغ مۇئەللەق

  • باغ مۇئەللەق[يەشمىسى:] ئاسما باغچا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېڭى بابىلون دەۋرىدىكى مەشھۇر باغ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يېڭى بابىلون پادىشاھى نيۇچادنېززارⅡ(تەخمىنەن مىلادىدىن 562 — 605 يىل ئىلگىرى تەختتە ئولتۇرغان) خانىكە مىدىيەنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن سالدۈرغان. باغچا تۆت قەۋەتلىك توپا دۆڭلۈك بولۇپ، تۈۋرۈكلەر ئارقىلىق تىرەپ قويۇلغان، ئېگىزلىكى 25 مېتر كېلىدۇ. دۆڭلۈكنىڭ ئۇلى تاش بولۇپ، ئۈستىگە خىش ياتقۇزۇ لغان، ئۇنىڭ ئۈستى يەنە قوغۇشۇن بىلەن قاپلىنىپ، ئۈستىگە بىر قەۋەت قېلىن توپا ياتقۇزۇلغان ھەمدە ئاجايىپ گۈل-گىياھلار ۋە دەل-دەرەخلەر تىكىلگەن، يىراقتىن قارىسا باغچا خۇددى مۇئەللەق تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا سۇغىرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇ تۇرۇبىسى ۋە سۇ پومپىلىرى ئورنىتىلغان. قەدىمكى يۇنانلىقلار باغ مۇئەللەقنى دۇنيادىكى «يەتتە مۆجىزىنىڭ بىرى» دەپ قارىغان.

باقتىچىلەر

  • باقتىچىلەر[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھىندى دىنىنىڭ مەزھىپى. «باقتى» (Bhakti) نىڭ مەنىسى «تەقۋادار» بولغاچقا، يەنە «تەقۋادارچىلار» دەپمۇ ئاتالغان. Ⅻ ئەسىردە جەنۇبىي ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن ⅩⅤ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر، راماناندا (Ramananda)ئارقىلىق شىمالىي ھىندىستانغا تارقالغان. كابىر بۇ مەزھەپنىڭ ئەڭ مەشھۇر داھىيسى. بۇ مەزھەپ ھىندى دىنىنىڭ ئېغىر مۇراسىمىغا ۋە تائىپە تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ، ئىلاھ ئالدىدا ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. مۇخلىسلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تۆۋەن دەرىجىلىك تائىپىدىن بولغان قول سانائەتچىلەر ۋە ئۇششاق سودىگەرلەردىن ئىبارەت. شۇنىڭدەك ئىسلام دىنىي مۇرىتلىرىدىن قاتناشقانلارمۇ بار.

باكترىيە

  • باكترىيە[يەشمىسى:]Bactria)گرېتسىيە-باكترىيە پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جۇڭگونىڭ «سۈينامە»، «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى» ۋە كونا، يېڭى «تاڭنامە» لىرىدە «تۇخار» دېيىلگەن، «ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى» دە: «توخرى» دېيىلگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت بولۇپ، ھىندىقۇش تېغى بىلەن ئامۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى (بۈگۈنكى ئافغانىستاننىڭ شىمالىي قىسمى) نىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ئاھالىلەر ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىدىكى ئىران تىل تۈركۈمىگە كىرىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن باشلاپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر مەمۇرىي ئۆلكىسى بولغان. مىلادىدىن 329 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيە پادىشاھى ئالېكساندر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. كېيىن سېلېئۇكىيە پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان، تەخمىنەن مىلادىدىن 250 يىل ئىلگىرى باش نازارەتچى دىئودوتوس (Diodotus)پادىشاھ بولۇۋېلىپ دۆلەت قۇرغان، باكترا (Bactra) پايتەخت قىلىپ بېكىتىلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئېئۇتيدېموس ( Euthydemos) ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. مىلادىدىن 208 يىل ئىلگىرى سېلېئۇكىيە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ئانتىئوكىس (Anteochus) Ⅲ ئېئۇتيدېموسنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىككى تەرەپ سۈلھ شەرتنامە تۈزۈشكەن، شەرتنامىدە باكترىيە سېلېئۇكىيىنىڭ قارىمىقىدىكى دۆلەت دەپ بەلگىلەنگەن. دېمېترىئۇس تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا)، زېمىنى ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىغىچە كېڭەيتىلگەن، بۇ چاغ پادىشاھلىقنىڭ قۇدرەت تاپقان دەۋرى ئىدى. مىلادىدىن 175 يىل ئىلگىرى دېمېترىئۇس قەبىلىسىدىكى سەركەردە ئۇكراتىدېس (Eucratides) ئۆزى خان بولۇۋېلىپ، زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلىۋالغاندىن كېيىن، دۆلەت بۆلۈنۈپ خارابلىشىپ كەتكەن. تەخمىنەن مىلادىدىن 140 — 130 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا، توخرىيلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە يەپتاللار (ئىفتالىتلار)، تۈركلەرگە بېقىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىردە ئەرەبلەر تەرىپىدىن يوقىتىلغان. باكترىيە شەرق بىلەن غەربنىڭ قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقتىن، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە ئۇنىڭ تەۋەسىدە گرېتسىيىچە شەھەرلەر قۇرۇلغان؛ ئۇنىڭ مەدەنىيىتى پېرسىيە، گرېتسىيە، ھىندىستان ۋە جۇڭگونىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان.

باكتېرىيە

  • باكتېرىيە[يەشمىسى:] «تۇخار» ماددىسىغا قاراڭ.

باك سون قوزغىلىڭى

  • باك سون قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ۋيېتنام خەلقىنىڭ ياپونىيە، فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى. 1940-يىلى 9-ئايدا، ياپونىيە ۋېيتنامغا تاجاۋۇز قىلغاندا، فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەسلىم بولغان. 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ياپونىيە قوشۇنى لاڭ سونغا ھۇجۇم قىلغاندا، فرانسىيە ئارمىيىسى يېڭىلىپ باك سون ئارقىلىق تاي ڭۇيىنگە چېكىنگەن. باك سون ناھىيە خەلقى ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە 9-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇ يەردىن قېچىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ قورال-ياراقلىرىنى باتۇرلۇق بىلەن تارتىۋېلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى بىرىنچى قوراللىق كۈچ — باك سون پارتىزانلار ئەترىتىنى قۇرغان. كېيىن فرانسىيە، ياپونىيە ئارمىيىلىرىنىڭ بىرلىشىپ باستۇرۇشى ئارقىسىدا پارتىزانلار ئورمانغا چېكىنىپ كىرىپ، ۋيېتنام ۋەتەن قۇتقۇزۇش ئارمىيىسى بولۇپ تەشكىللىنىپ، ۋۇناي باك سون تايانچى بازىسىنى قۇرۇپ، ۋيېتنام ئىنقىلابىي قوراللىق كۈرىشىنىڭ يېڭى دەۋرنى باشلىغان.

باك سون مەدەنىيىتى

  • باك سون مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]ۋيېتنامنىڭ شىمالىدىكى تاش قوراللار دەۋرى مەدەنىيىتى. يىل دەۋرى جەھەتتە خوئابىن مەدەنىيىتىدىن كېيىن تۇرىدۇ. ۋيېتنام لاڭ سون ئۆلكىسىنىڭ باك سون رايونىدا بايقالغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ مەدەنىيەتنىڭ تىپىك ئىزلىرى بىن گيالۇ ۋە لى پى دېگەن يەرلەردە تېپىلغان. قالدۇق نەرسىلەر ئاساسلىقى ھاك تاش ئۆڭكۈرلىرىدىن تېپىلغان بولۇپ، قارا تاشتىن سوقۇپ ياسالغان تاش قوراللاردىن تاشقىرى، يەنە بىس چىقىرىلغان تاش قوراللار، سۆڭەك قوراللار ھەم قوپال ساپال قاچىلاردىن ئىبارەت. بۇ قوراللارنىڭ ئەڭ تىپىكى تۆت قىرلىق بىسلىق تاش پالتا بولۇپ، باك سون تاش پالتىسى دەپ ئاتالغان.

باكۇنىنىزم

  • باكۇنىنىزم[يەشمىسى:] ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى بارلىققا كەلگەن ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ھۆكۈمەتسىزلىك ئىدىيىۋى ئېقىمى. بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى باكۇنىن بولغاچقا، شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئىدېئالىستىك تارىخىي قاراشنى ئاساس، بۇرژۇئازىيە شەخسىيەتچىلىكىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، دۆلەتنى جىمى بالايىئاپەتنىڭ يىلتىزى دەپ قاراپ، ھەممە دۆلەتنى دەرھال بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. پەقەت دۆلەت يوقالسىلا، ھۆكۈمەتسىز جەمئىيەت يېتىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن «ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ باراۋەرلىكى» نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ھەربىر جەمئىيەت ئەزاسى «مۇتلەق ئەركىنلىك» تىن بەھرىمەن بولىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. سەرگەردان پرولېتارلار ۋە ۋەيران بولغان دېھقانلارنىڭ ستېخىيىلىك ھالدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىگە تايىنىپ ئىجتىمائىي «ھېساب ئېلىش»نى يولغا قويۇپ، دۆلەتنى بىراقلا يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. پرولېتارىياتنىڭ كۈچىگە ئىشەنمەي، ئاممىنى سىياسىي، ئىقتىسادىي كۈرەشكە تەشكىللەشكە قارشى تۇرىدۇ. دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى — ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى ۋە ئىجتىمائىي تەڭسىزلىكنىڭ ئاساسىي دەپ قاراپ، ۋارىسلىق ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى «ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى» قىلىشنى تەرغىپ قىلىدۇ. تەشكىلىي جەھەتتە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، مەركەزلەشتۈرۈشكە، ھەرقانداق ئىنتىزام ۋە نوپۇزغا قارشى تۇرىدۇ، «سول» ئىبارىلەرنىڭ يېپىشى بىلەن، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن سۇنغان ئۇششاق ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنىڭ ئۈمىدسىزلىك روھىي-ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. بۇ خىل ئىدىيىۋى ئېقىم فرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كەڭ تارقالغان، روسىيىدە نارودنىكلار ئىدىيىۋى مەنبەسىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇ بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى ئاساسىي خەۋپ، ماركس ۋە ئېنگېلس «نوپۇز توغرىسىدا»،«باكۇنىننىڭ <دۆلەت تۈزۈمى ۋە ھۆكۈمەتسىزلىك ھالەت> دېگەن كىتابىدىن ئۈزۈندىلەر» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئۇنىڭ نەزەرىيە ۋە تاكتىكىسىنى چوڭقۇر تەنقىد قىلغان.

باكۇن

  • باكۇن[يەشمىسى:]1) روگېر باكون (Roger Bacon، تەخمىنەن 1214 — 1292). ئەنگلىيە پەيلاسوپى، تەجرىبە ئىلمىنىڭ پېشىۋاسى. ئوكسفورد ۋە پارىژدا ئوقۇغان. كېيىن فرانسېسكوچىلارنىڭ مۇناخى بولۇپ قالغان. مەدرىس پەلسەپىسىگە قارشى تۇرغان، ھەقىقىي بىلىمنىڭ تەجرىبە ئاساسىغا ئورنىتىلىشنى تەكىتلىگەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە پەلسەپىنىڭ دىنىي ئەقىدىگە خىلاپلىق قىلماسلىقىنى تەشەببۇس قىلغان، بۇ ھال ئۇنىڭ مەدرىس پەلسەپىسىنىڭ تەسىرىدىن تولۇق قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تەبىئىي پەندە ماتېماتىكا بىلەن ئوپتىكىغا بەك ئەھمىيەت بەرگەن، دۇربۇن، مىكروسكوپ ۋە ئايروپىلاننى تەسەۋۋۇر قىلغان. تەخمىنەن 1277-يىلى چېركاۋ تەرىپىدىن 10 نەچچە يىل نەزەربەنت قىلىنغان، ئۇنىڭ «يىرىك ئەسەر» دېگەن ئاساسلىق ئەسىرى بار. (2) فرانسىس. باكون (Francis Bacon، 1561 — 1626). ئەنگلىيىلىك ماتېرىيالىست پەيلاسوپ. دادىسى كورۇلىۋا ئېلىزابېت Ⅰ نىڭ تامغاچ ۋەزىرى بولغان. ئۇ كىمبرىج ئىلاھىيەت شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. كېيىن قانۇن ئۆگەنگەن. 1584-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزاسى بولغان. 1617-يىلى تامغاچ ۋەزىر بولغان. 1618-يىلى چوڭ سودىيە بولغان. 1620-يىلى ۋىكونت مەرتىۋىسى بېرىلگەن. 1621-يىلى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن قاماققا ئېلىنغان. شۇ يىلى قويۇپ بېرىلىپ، ۋەزىپىسىدىن چۈشۈرۈلگەن. ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى مەدرىس پەلسەپىسى بىلەن قارىمۇ قارشى بولۇپ، دۇنيانىڭ ماددىلىقىنى قارارلاشتۇرغان؛ ئۇ پەقەت يىغىنچاقلاش، تەھلىل قىلىش، سېلىشتۇرۇش، كۆزىتىش ۋە تەجرىبە قىلىشلا ئىلمىي بىلىش ئۇسۇلى بولىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان؛ ھېسسىي بىلىش بىلەن ئەقلىي بىلىشنى بىرلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي بىلىمگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان؛ تەبىئىي پەننى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «بىلىم-كۈچ» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ماركس بىلەن ئېنگېلس ئۇنى «ئەنگلىيە ماتېرىيالىزمى ۋە پۈتكۈل ھازىرقى زامان تەجرىبە پەنىنىڭ ھەقىقىي بۈۋىسى» («ماركس-ئېنگېلس ئەسەرلىرى»، 2-توم، خەلق نەشرىياتى 1957-يىل خەنزۇچە نەشرى، 163-بەت) دېگەن. لېكىن ئۇ ئەينى ۋاقىتتا تەبىئىي پەندىكى يەككە-يېگانە جىمجىت تەتقىقات ئۇسۇلىنى پەلسەپىگە كۆچۈرۈپ، يېقىنقى ئەسىرلەردىن بۇيانقى «چەكلىمىلىكنى يەنى مېتافىزىكىلىق تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى»(«ديۇرىڭغا قارشى»، 1972-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 34-بەت). ئۇ ئىلاھىيەت بىلەنمۇ ئۈزۈل-كېسىل ئادا-جۇدا بولمىغان، ئىلاھ مەۋجۇت، روھ ئۆلمەيدۇ دېگەنگە ئوخشاش دىنىي ئەقىدىلەرنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى «ئىلىمدىكى تەرەققىيات»، «يېڭى قورال»قاتارلىقلار بار.

باكۇنىن

  • باكۇنىن[يەشمىسى:]Михaил Алексaндровч Бaкунин، 1814 — 1876). روسىيىلىك ئانارخىست.ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1840-يىلى چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1848-يىلىدىكى ياۋروپا ئىنقىلابىغا قاتناشقان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، گېرمانىيە تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. 1851-يىلى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، ۋەتىنىگە قايتۇرۇلغان. تۈرمىدە كۆپ قېتىم «تۆۋىنامە» يازغان. 1857-يىلى سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان. 1861-يىلى ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1864-يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقان. 1868-يىلى شۋېتسارىيىدە «خەلقئارا سوتسىيالىستىك دېموكراتلار ئىتتىپاقى» نى قۇرۇپ ھۆكۈمەتسىزلىكنى تەرغىپ قىلىپ، ماركسىزمغا قارشى تۇرغان. ماركس «ئەگەر ئۇ نەزەرىيە جەھەتتە ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ دېيىلىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇ سۇيىقەست، ھىيلە-مىكىر جەھەتتە ناھايىتى قابىلىيەتلىك» دەپ جىددىي كۆرسەتكەنىدى («ماركس، ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى» 4-توم، خەلق نەشرىياتى 1972-يىلى نەشرى 395 — 396-بەتلەر). 1872-يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلگەن. ئۇ پرۇدون (Joseph Proudhon Pierre) نىڭ دۆلەت ۋە سىياسىي كۈرەشنى ئىنكار قىلىدىغان كۆز قارىشىغا ۋارىسلىق قىلىپ، سىنىپىي زۇلۇمنىڭ يىلتىزى كاپىتال ئەمەس دۆلەت دەپ قاراپ، دېھقانلار ۋە سەرگەردان پرولېتارلارنىڭ ستېخىيىلىك قوزغىلىڭىغا تايىنىپ، «بارلىق» دۆلەتنى پاچاقلاپ تاشلاشنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ پرولېتارىياتنىڭ تارىخىي رولىغا سەل قاراپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرغان؛ «شەخسنىڭ مۇتلەق ئەركىنلىكى» نى پۈتكۈل ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئالىي مەقسىتى دەپ تەرغىپ قىلغان. ئۇنىڭ ھۆكۈمەتسىزلىك ئىدىيىسى روسىيە نارودنىكلار ئىدىيىسىنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى. كېيىنكى يىللاردا ئۇ «گېرمانىيە مۇستەبىت ئىمپېرىيىسى ۋە ئىجتىمائىي ئىنقىلاب»، «دۆلەت تۈزۈمى ۋە ھۆكۈمەتسىزلىك ھالەت» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

باكېر

  • باكېر[يەشمىسى:][HT6SS](Samuel White Baker، 1821 — 1893)ئەنگلىيە ئېكسپېدىتسىيىچىسى، يازغۇچى. ئىنژېنېرلىقتىن كېلىپ چىققان. 1848-يىلى سەيلون (ھازىرقى سرىلانكا) نۇۋارا ئېلىيا (Nuwara Eliya) تاغلىق رايونىدا دېھقانچىلىق مۇستەملىكە رايونى قۇرغان. 1861-يىلى ئافرىقىغا بېرىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىپ، ئارابارا ۋە نىل دەريالىرى ئېقىمىنى تەكشۈرۈپ، نىل دەرياسى لاتقىلىرىنىڭ ئېفىئوپىيىدىن كېلىدىغانلىقىنى دەلىللەپ چىققان ھەمدە ئەرەبچىنى ئۆگەنگەن.1864-يىلى 3-ئايدا سپېك (Tohn Hannig Speke) ۋە گرانت تەمىنلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئالبېرت كۆلى (ھازىرقى موبۇتۇ كۆلى) نى تاپقان. 1865-يىلى 10-ئايدا ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. 1869-يىلى مىسىر خىدىۋ (hidiv)ى تەرىپىدىن پادىشاھلىققا تەيىنلىنىپ، مىسىرنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنىنى باشلاپ كېلىپ، يۇقىرى نىل دەرياسى رايونىدا زېمىن كېڭەيتكەن ھەمدە ئېكۋاتور ئۆلكىسىگە ۋالىي بولغان. يەنە سېپرۇس، ھىندىستان، سەيلون، سۈرىيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىگە بېرىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلغان ياكى ساياھەت قىلغان.«ئالبېرت كۆلى»، «ھەبەشىستان چېگرىسى ئىچىدىكى نىل دەرياسى تارماقلىرى» دېگەن مۇھىم ئەسەرلىرى بار.

باگائۇدا ھەرىكىتى

  • باگائۇدا ھەرىكىتى[يەشمىسى:] رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى تۆۋەن قاتلام خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى. مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا گاللىيىدە (ھازىرقى فرانسىيە تەرەپتە) باشلىنىپ، ئاستا-ئاستا ئىسپانىيىگىچە كېڭەيگەن. قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى تۆۋەن قاتلامدىكى خەلق بولۇپ، نامراتلار، قۇللار، دېھقان قۇللار ۋە چېگرىدىن كىرگەن «ياۋايىلار» دىن ئىبارەت. ئۇلار باگائۇدا (Bagaudae گاللىيە تىلىدا «جەڭچى» دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغان. قوزغىلاڭچىلار زور كۆلەملىك قوراللىق كۈچ بولۇپ ئۇيۇشۇپ، قورۇقلارغا ھۇجۇم قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، پومېشچىكلارنى ئۆلتۈرۈپ ياكى قوغلىۋېتىپ، يەرلەرنى، مال-مۈلۈكلەرنى، چارۋىلارنى ۋە دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى بۆلۈشۈۋالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىپ،قوشۇننى كېڭەيتكەن. Ⅲ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا كەلگەندە گاللىيە رايونىنىڭ زور قىسمىنى (ئاساسەن يېزا-كەنت رايونلىرىنى) قاپلىغان، ئۇنىڭ داھىيسى ئامەند ۋە ئېرىيانلار ئۆزلىرىنى «پادىشاھ» دەپ ئاتىغان ھەمدە پۇل قويدۇرغان، رىم ئەمەلدارلىرى ۋە بايلار بەس-بەستە شەھەرگە كىرىپ، يوشۇرۇنۇپ، مۇداپىئە قىلغان، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ بىر قىسمى قوزغىلاڭچىلارغا تەسلىم بولغان، رىملىقلارنىڭ گاللىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقى پارچىلىنىپ كەتكەن. دىئوكلېتئانۇس مىلادى (Diocletianus) تەختكە چىققاندىن كېيىن (284-يىلى) ئورتاق ئىدارە قىلغۇچى ماكىسمان چوڭ قوشۇننى باشلاپ قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلغان، 286-يىلى باگائۇدا ھەرىكىتى بىر مەھەل باستۇرۇلۇپ، زاۋالغا يۈزلەنگەن. Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرى Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئىسپانىيە، گاللىيە تەرەپلەردە يەنە بىر قېتىم قوزغالغان، «ياۋايىلار»غا ماسلىشىپ ھۇجۇم قىلغان، داغدۇغىسى زور بولۇپ تاكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر داۋاملىشىپ، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاكىتىنى تېزلەتكەن.

باگراتىئون

  • باگراتىئون[يەشمىسى:]Петр Иванович Багратион 1765 — 1812)روسىيىلىك گېنېرال پولكوۋنىك. گروزىيىلىك ئېسىلزادە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1782-يىلى ئارمىيىگە كىرىپ، 1787 — 1791-يىللىرىدىكى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان.1799-يىلى سوۋوروۋ بىلەن بىرگە ئىتالىيە ۋە شۋېتسارىيىگە ئەسكەر باشلاپ بېرىپ، فرانسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلغان. 1805 — 1807-يىللىرى كۇتۇزوۋ بىلەن ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىپ، بۇيرۇققا ئاساسەن شىڭگىلاپتا فرانسىيە ئارمىيىسىگە توسۇپ زەربە بېرىپ، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاساسىي كۈچنىڭ يۆتكىلىشىنى ھىمايە قىلغان. كېيىن بىرقانچە قېتىم روسىيە-شۋېتسىيە ئۇرۇشىغا (1808 — 1809)، روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان (1806 — 1812). 1812-يىلى ناپولېئون روسىيىگە تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، بورودىنو جېڭىدە سول تەرەپ روسىيە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ سميانوۋىسكايا كەنتىنى جان تىكىپ قوغداپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن، ئېغىر يارىلىنىپ ۋاپات بولغان.

بالبو

  • بالبو[يەشمىسى:]Сеsаrе Вalbо، 1789 — 1853).ئىتالىيە ساردىگنا پادىشاھلىقىنىڭ تۇنجى ۋەزىرى (1848-يىلى). تارىخشۇناس ۋە يازغۇچى. گراف، ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ياش ۋاقتىدا ناپولېئون ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىللەردە ئەمەل تۇتقان. 1821-يىلى ئىنقىلابقا ھېسداشلىق قىلدى دەپ گۇمانلانغاچقا سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ ھۈرىيەتچىلەرنىڭ باشلىقى بولغان. 1844-يىلى «ئىتالىيىنىڭ ئۈمىدى» دېگەن كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئاساسىي سىياسىي پروگراممىسىنى بايان قىلغان ھەم ئۇرۇش شەكلىنى قوللىنىشقا قارشى تۇرغان، ھەم خەلق ھەرىكىتى شەكلى ئارقىلىق ئىتالىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقىمۇ قارشى تۇرغان. بەلكى ئاۋسترىيىنىڭ تۈركىيە ئىمپېرىيىسى بىت-چىت بولۇش جەريانىدا، ياۋروپادىكى باشقا زېمىنلارنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئىشغال قىلىۋالغان ئىتالىيە زېمىنىدىن ۋاز كېچىشنى ئۈمىد قىلغان؛ بىرلىككە كەلگەن ئىتالىيە دۆلىتى قۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، گىئوبېرتنىڭ ئىتالىيە شتات ئىتتىپاقى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىنى قوللىغان. بىراق پاپانىڭ شتات ئىتتىپاقىغا رەھبەرلىك قىلىشىغا قوشۇلماي، بەلكى ساۋو ئىيا خاندانلىقىنىڭ باشچىلىق قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان. 1848-يىلى ئىنقىلابنىڭ دەسلىپىدە بىر مەزگىل ساردىگنا پادىشاھلىقىنىڭ تۇنجى قېتىملىق قانۇن چىقىرىش ئىچكى كابىنېتىدا باش ۋەزىر بولغان ھەمدە قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. «1848-يىلىدىكى پېمونتې ئاساسىي قانۇنى» نى تەييارلاشقا مەسئۇل بولغان. ئۇنىڭ «ئىتالىيە تارىخىدىكى 476—774-يىللار»، «دانتېنىڭ ھاياتى»، «ئىتالىيىنىڭ قىسقىچە تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

بالبوئا

  • بالبوئا[يەشمىسى:]-Vasсо Nunez de Вalboa، 1475 — 1517) ئىسپانىيىلىك مۇستەملىكىچى. 1510-يىلى قەرزدىن قېچىپ گايتى ئارىلىدىن جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قىسمىغا قېچىپ بارغان. ئىككىنچى يىلى پاناما بوغۇزىنىڭ شىمالىي بۆلىكىدە قۇرۇلغان ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بىرىنچى پارچە مۇستەملىكىسىنىڭ تۇتۇقى بولغان. 1513-يىلى يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننى باشلاپ پاناما بوغۇزىنى بېسىپ ئۆتۈپ 9-ئاينىڭ 25-كۈنى تىنچ ئوكيانغا نەزەر تاشلىغان تۇنجى ياۋروپالىق بولغان، ئۇ تىنچ ئوكياننى جەنۇبىي دېڭىز (el mar del sur) دەپ ئاتىغان ھەمدە دېڭىزدا بارلىكى ئاراللارنىڭ ھەممىسى ئىسپانىيە زېمىنى دەپ جاكارلىغان. 1517-يىلى ئىچكى نىزادا ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

بالاكېئانۇ

  • بالاكېئانۇ[يەشمىسى:]Ваlасеаnu، ؟ — 1842) رومىنىيىلىك خىيالىي سوتسىيالىزمچى. كىچىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ۋالاخىيە ئارمىيىسىدە ستارشىنا بولغان. 1835-يىلى خىيالىي سوتسىيالىزمچى تېئودور. دىيامانت (Teodor Diamant 1810 — 1841) بىلەن بىرلىكتە سىكائېنى (Scaeni) نىڭ قورۇقىدا فوئۇرىئېر (Fourier) نىڭ پالانگې (phalange) چە «دېھقانچىلىق تېخنىكىسى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىسى» نى قۇرۇپ، دېھقانلاردىن، قول ھۈنەرۋەنلەردىن ۋە ئۆزى ئازاد قىلغان يانچىلاردىن بولۇپ يۈزدەك ئادەمنى قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى دېھقانچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە مەكتەپ تەسىس قىلىپ، كۇرسانتلار ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى، سىياسىي ئىقتىساد ئۆگەنگەن. ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ كارخانا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قانۇنسىز تەشكىلات دەپ ئېلان قىلىنىپ، مەجبۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تارقىتىۋېتىلگەن. ئۇ ھىمايىچىلىرى بىلەن بىرلىكتە قولغا ئېلىنغان، سۈرگۈن قىلىنغان.

بالتا-لىمان كېلىشىمى

  • بالتا-لىمان كېلىشىمى[يەشمىسى:] تۈركىيە بىلەن روسىيە ئىمزالىغان مولداۋىيە بىلەن ۋالاخىيە ئىككى كىنەزلىكنىڭ ئورنى توغرىسىدىكى كېلىشىم. 1848-يىلى 6-ئايدا روسىيە ئەسكەر چىقىرىپ، مولداۋىيە ئىنقىلابىنى باستۇرغان. 8-ئايدا بۇخارستتا تۈركىيە قوشۇنى بىلەن ئۇچرىشىپ بىرلىكتە ۋالاخىيىگە بېسىپ كىرگەن. 9-ئايدا روسىيە بىلەن تۈركىيە ئىتتىپاق تۈزگەن. 1849-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنى مېتىروپولىيە تۈركىيە بىلەن ئۆزىنى ھىمايىچى دۆلەت دەۋالغان روسىيە ئىستانبۇل ئەتراپىدىكى بالتا لىماندا (Balta Liman) كېلىشىم ئىمزالىغان. كېلىشىمدە ئىككى دۆلەت قوشۇنلىرى مولداۋىيە ۋە ۋالاخىيىدە تۇرۇپ، «ھەرقانداق قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرىنى باستۇرىدۇ»، رومىنىيىدىكى كىنەزلىكلەرگە بولغان ئىشغالىيەت 1851-يىلىغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇلىدۇ؛ كىنەزلىك كونسۇللىرىنى پومېشچىك (ئاقسۆڭەكلەر) سايلاش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تۈركىيە سۇلتانى بىلەن روسىيە چار پادىشاھى مەسلىھەت بىلەن تەيىنلەشكە ئۆزگەرتىلىدۇ ھەمدە روسىيىنىڭ دوناي دەرياسى بويىدىكى ھەرقايسى كىنەزلىكلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈك ئورنى بېكىتىلىدۇ، دېيىلگەن.

بالدۋىن

  • بالدۋىن[يەشمىسى:]Stanley Baldwin، 1867 — 1947)، ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى، باش ۋەزىرى (1923 — 1924، 1924 — 1929، 1935 — 1937). 1908-يىلى تۆۋەن پالاتانىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1923-يىلى بونارلاۋ (Andrew Bonarlgw، 1858 — 1923) نىڭ ئورنىغا باش ۋەزىر بولغان. ئىككىنچى قېتىم باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە ئەنگلىيىدە 1926-يىلى يۈز بەرگەن چوڭ ئىش تاشلاشقا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، جۇڭگودىكى بىرىنچى قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇشقا ئارىلاشقان، ئەنگلىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1927-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلۈشىنى پەيدا قىلغان. ئۈچىنچى قېتىم باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە «تىنچلاندۇرۇش سىياسىتى» نى تۈزگەن ۋە ئىجرا قىلغان. 1937-يىلى ئىچكى-تاشقى جەھەتتە قىيىنچىلىقلارغا بوغۇلۇپ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. شۇ يىلى ئاقسۆڭەك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.«بۇ — ئەركىنلىك مەشئىلى»، «سانائەتتىكى تىنچلىق ۋە ياخشى نىيەت»، «ئەنگلىيىلىك تەرجىمان» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

بالزاك

  • بالزاك[يەشمىسى:]Honore de Balzac، 1799 — 1850) فرانسىيىلىك تەنقىدىي رېئالىست يازغۇچى. تۇردىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1814-يىلى پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە پارىژغا كۆچۈپ كېلىپ، قانۇن ئۆگەنگەن. گۇۋاھچىلار ئىشلىرى مەھكىمىسىدە پراكتىكانت بولغان. ئۇ ناپولېئونغا چوقۇنغان. ئەمما سىياسىي جەھەتتە ئاقسۆڭەكلەر سىنىپىغا ھېسداشلىق قىلغان. 1831-يىلى مۇنارخىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1819-يىلىدىن باشلاپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، دەسلەپكى ئەسەرلىرىدە رومانتىزملىق تۈس بولغان. 1829-يىلى تارىخىي رومان «جوئانىستلار»نى تاماملاپ، ئەدەبىيات ساھەسىدە نام چىقىرىشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، رېئالىزمچىغا ئايلانغان. 1834-يىلى بىر يۈرۈش ئىجتىمائىي رومان «ئىنسان كومېدىيىسى»نى يېزىشنى پىلانلىغان؛ 1842-يىلى ئۇنىڭ مۇقەددىمىسىدە كىتابنىڭ ھەممىسىنى «ئۆرپ-ئادەتلەر تەتقىقاتى»، «پەلسەپە تەتقىقاتى» ۋە «تەھلىل تەتقىقاتى» دەپ ئۈچ قىسىمغا ئايرىغان. ئەسلىدە 140 نەچچە پارچە قىلىپ يېزىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە 90 نەچچە پارچە يېزىپ چىققان. «ئىنسان كومېدىيىسى» ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى فرانسىيىنىڭ جەمئىيەت تارىخىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، بۇ مۇقەررەر يوقىلىۋاتقان ئاقسۆڭەكلەر سىنىپى ئۈچۈن مەرسىيە ناخشىسى. شۇنداقلا پۇلنى دەستەك قىلىدىغان بۇرژۇئازىيە جەمئىيىتىگە قارىتا ئۆتكۈر شىكايەتنامە بولۇپ، دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى تەنقىدىي رېئالىزملىق نادىر ئەسەر ئىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە «يېۋگېنې گراندې»، «گورىيو بوۋاي»، «خام خىيالنىڭ بەربات بولۇشى»، «دېھقان» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرى بار.

بالفۇر

  • بالفۇر[يەشمىسى:]Arthur James Balfour، 1848 — 1930) ئەنگلىيە باش ۋەزىرى (1902 — 1905)، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1916 — 1919). كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى داھىيلىرىنىڭ بىرى. 1885-يىلى تۆۋەن پالاتانىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. يەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى ۋەزىرى. شوتلاندىيە ئىشلىرى ۋەزىرى، ئىرلاندىيە ئىشلىرى ۋەزىرى ھەمدە تۆۋەن پالاتا باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. باش ۋەزىر بولغاندا «ئەنگلىيە-ياپونىيە ئىتتىپاقداش شەرتنامىسى» (1902) ۋە «ئەنگلىيە-فرانسىيە سۈلھ شەرتنامىسى» (1904)نى تۈزۈشنى پىلانلىغان. تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە، يەھۇدىي قىساسچىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بانكىر روتچىل (Lionel Walter Rothschilds، 1868 — 1937) غا خەت يېزىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەھۇدىي قىساسچىلىرىنىڭ پەلەستىندە يەھۇدىي دۆلىتىنى قۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن («بالفۇر خىتابنامىسى»غا قاراڭ). «ماقالە ۋە نۇتۇقلار توپلىمى»، «ئارال دۆلىتى ئەركىن سودىسى ھەققىدە ئىقتىسادىي خاتىرىلەر»، «مالىيە ئىسلاھاتى نۇتۇقلىرى توپلىمى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

بالفۇر خىتابنامىسى

  • بالفۇر خىتابنامىسى[يەشمىسى:]ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەھۇدىيلار ماكانى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەشەببۇسى. 1917-يىل 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بالفۇر يەھۇدىي قىساسچىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بانكىر روتچىل (Lionel Walter Rothschilds، 1868 — 1937)غا خەت يېزىپ، «ئەنگلىيە كورۇل جانابلىرى ھۆكۈمىتى پەلەستىندە يەھۇدىيلار ئۈچۈن مىللىي زېمىن قۇرۇپ چىقىشنى قوللايدۇ ھەمدە بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، لېكىن پەلەستىندە ھازىر تۇرۇۋاتقان غەيرىي يەھۇدىي تەشكىلاتلىرىنىڭ پۇقرالىق ھوقۇق-مەنپەئىتى ۋە دىنىي ھوقۇقىغا ھەرقانداق دەخلى-تەرۇز يەتمەسلىكى كېرەك» دەپ جاكارلىغان. بۇ خەت كېيىن «بالفۇر خىتابنامىسى» دەپ ئاتالغان. بۇ، ئەنگلىيىنىڭ «بۆلۈپ ئىدارە قىلىش» ۋاسىتىسىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن،پەلەستىندە ئەرەبلەرگە قارىمۇقارشى بولغان يەھۇدىيلار ماكانىنى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.ئىككىنچى يىلى ئامېرىكىمۇ بۇ خىتابنامىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن پەلەستىندىكى يەھۇدىي ئاھالىلىرى تېزلىكتە كۆپەيگەن.

بالقان ئەھدىنامىسى

  • بالقان ئەھدىنامىسى[يەشمىسى:] تولۇق نامى «بالقان كېڭەش ئەھدىنامىسى». 1934-يىل 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، گرېتسىيە، رومىنىيە، تۈركىيە، يۇگوسلاۋىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت ئافىنادا ئىمزالىغان. شۇ ۋاقىتتا گىتلېر گېرمانىيىسى كېلىشىمنى يىرتىپ تاشلاپ، ھەدەپ ھەربىي تەييارلىقنى كېڭەيتىۋاتقان، ئىتالىيە ئوتتۇرا دېڭىزغا زومىگەرلىك قىلىپ، بالقاننى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، بالقاندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىغان. ئەھدىنامىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىش، ئۇرۇشتىن كېيىنكى چېگرىنى ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرۇش؛ شەرتنامە تۈزگەن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا بالقان رايونىنىڭ ھازىرقى تېررىتورىيە تەرتىپىگە ۋە بارلىق چېگرانىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئەگەر بۇ كېلىشىمنىڭ قارارلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، شەرتنامە تۈزگەن دۆلەتلەركېڭىشىپ ئورتاق تەدبىر قوللىنىش دېگەنلەردىن ئىبارەت.

بالقان ئۇرۇشى

  • بالقان ئۇرۇشى[يەشمىسى:]1) بالقان ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشى. 1912-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، تۈركىيە ماكېدونىيە ۋە فراكىيىگە ئاپتونومىيە بېرىشنى رەت قىلغاچقا، مۇنتېنېگرو ئالدى بىلەن تۈركىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، 18-كۈنلىرى بۇلغارىيە، سېربىيە ۋە گرېتسىيە ئىلگىرى-كېيىن ئۇرۇشقا قاتناشقان. بۇلغارىيە قوشۇنلىرىنى ئاساسىي كۈچ قىلغان ئىتتىپاقچى ئارمىيە ئادەم سانى ۋە قورال-ياراق جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغاچقا، تۈركىيە ئارمىيىسىنى قەدەممۇ قەدەم چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان. 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان، كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقچىلار ئوتتۇرىغا قويغان سۈلھ شەرتىنى رەت قىلغاچقا، 1913-يىل 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇرۇش ئوتى قايتىدىن تۇتاشقان. تۈركىيە يەنە ئېغىر مەغلۇپ بولۇپ، قايتىدىن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان، ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن، 5-ئاينىڭ 30-كۈنى لوندوندا سۈلھ كېلىشىم ئىمزالىغان. كېلىشىمگە ئاساسەن تۈركىيە ئىستانبۇل ۋە فراكىيىنىڭ ئاز بىر قىسىم يېرىدىن باشقا ياۋروپادىكى بارلىق جايلاردىن ئايرىلغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش تۈركىيىنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەن. (2) بۇلغارىيە بىر تەرەپ، سېربىيە، گرېتسىيە، رومىنىيە، مونتېنېگرو ۋە تۈركىيە يەنە بىر تەرەپ بولغان ئۇرۇش. بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىدىن كېيىن، سېربىيە زېمىنىنى ماكېدونىيىگىچە كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىپ، گرېتسىيە جەنۇبىي ماكېدونىيە ۋە غەربىي فراكىيىگە قارىتا بېسىۋېلىش نىيىتىدە بولغان. بالقاندىكى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمران گۇرۇھلىرىنىڭ سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىش قارا نىيىتى بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1913-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، سېربىيە بىلەن گرېتسىيە مەخپىي ھالدا بۇلغارىيىگە قارشى ئىتتىپاق شەرتنامىسى تۈزگەن، رومىنىيىمۇ ئىتتىپاققا قاتناشقان. 6-ئاينىڭ 29-كۈنى، بۇلغارىيە گېرمانىيە ۋە ئاۋسترىيىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن سېربىيە ۋە گرېتسىيىگە قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوللانغان. رومىنىيە، مونتېنېگرو ئارقىدىنلا ئۇرۇشقا قاتناشقان، تۈركىيىمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇلغارىيىگە ھۇجۇم قىلغان. تۆت تەرەپتىن دۈشمەنگە دۇچ كەلگەن ئەھۋال ئاستىدا، بۇلغارىيە 7-ئاينىڭ 29-كۈنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولغان. ئۆزىنىڭ ماكېدونىيە ۋە فراكىيىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىن ھەمدە جەنۇبىي دوبرۇجادىن ئايرىلغان، شۇنداقلا ئادرىئانوپولدىن ۋاز كەچكەن. ئۇرۇشتىن كېيىن ئېغىر زەئىپلىشىپ كەتكەن بۇلغارىيە ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقى تەرەپكە بۇرۇلۇشقا باشلىغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش بالقاندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغان. 

بالقان ئىتتىپاقى

  • بالقان ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]1) بۇلغارىيە، سېربىيە، گرېتسىيە، مونتېنېگرو قاتارلىق بالقان دۆلەتلىرى تۈزگەن تۈركىيىگە قارشى ھەربىي سىياسىي ئىتتىپاق، بۇ ئىتتىپاق روسىيىنىڭ ئاكتىپ قوللىشى ۋە ئەنگلىيە-فرانسىيىلەرنىڭ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن. 1912-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، بۇلغارىيە بىلەن سېربىيە توختام تۈزۈپ، شەرتنامە تۈزگۈچى بىر تەرەپ ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، يەنە بىر تەرەپ ياردەم قىلىش كېرەك؛ ئەگەر ياۋروپادىكى مەلۇم چوڭ دۆلەت (ئاۋسترىيىنى دېمەكچى) بالقاندا كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا ئۇرۇنسا، ئىككى تەرەپ ئورتاق قارشى تەدبىر قوللىنىش كېرەك دەپ بەلگىلىگەن. شەرتنامىدە يەنە ئىككى دۆلەت ھەربىي ئىشلاردا تۈركىيىگە قارشى تۇرۇش ۋە ماكېدونىيىنى بۆلۈشۈۋېلىشنى مەخپىي كېلىشكەن. 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، بۇلغارىيە بىلەن گرېتسىيە خاراكتېرى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىتتىپاق شەرتنامىسى تۈزگەن. 9-ئايدا، بۇلغارىيە بىلەن مونتېنېگرو تۈركىيىگە قارشى كېلىشىم ھاسىل قىلغان. شۇنداق قىلىپ بۇلغارىيىنى يادرو قىلغان بالقان ئىتتىپاقى ئاخىر بارلىققا كەلگەن. بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىدا، ئىتتىپاق تۈركىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. ئەمما ئۇرۇشتىن كېيىن ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى قىسمىدا زېمىن ماجىراسى كېلىپ چىقىپ، ئىككىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىنى (1913-يىلى) كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن پارچىلىنىپ كەتكەن. (2) يۇگوسلاۋىيە، تۈركىيە ۋە گرېتسىيە ئۈچ دۆلەت تۈزگەن ھەربىي ئىتتىپاق. 1953-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە «بالقان ئىتتىپاقى شەرتنامىسى» («يۇگوسلاۋىيە، گرېتسىيە، تۈركىيە دوستلۇق، ھەمكارلىق شەرتنامسى» ياكى «ئەنقەرە شەرتنامىسى»مۇ دېيىلىدۇ) ئىمزالانغان. بۇنىڭدا ئورتاق مەنپەئەتلىك بولغان بارلىق مەسىلىلەردە كېڭىشىش؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئورتاق قوغدىنىش تەدبىرلىرى قوللىنىش بەلگىلەنگەن. شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى شەرتنامە كۈچكە ئىگە بولغان چاغدا، بالقان ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ، باش شتاب ئەنقەرەدە تەسىس قىلىنغان. 1954-يىلى 8-ئايدا، ئۈچ دۆلەت يەنە يۇگوسلاۋىيىنىڭ بلېد (Bled) دېگەن يېرىدە «يۇگوسلاۋىيە، گرېتسىيە، تۈركىيە ئىتتىپاقى، سىياسىي ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، «بالقان ئىتتىپاقى شەرتنامىسى» نىڭ تولۇقلىمىسى قىلغان. 1955-يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. باش شتاب ئافىناغا يۆتكەلگەن، كېيىن ئىچكى زىددىيەتلەر تۈپەيلىدىن ئىسمى بار، جىسمى يوق بولۇپ قالغان.

بالقان ئىتتىپاقى شەرتنامىسى

  • بالقان ئىتتىپاقى شەرتنامىسى[يەشمىسى:] «بالقان ئىتتىپاقى» دېگەن ماددىنىڭ (2) گە قاراڭ.

بالل

  • بالل[يەشمىسى:]John Ball، 1831 — ?) ئەنگلىيىلىك مىسسىئونېر، ۋات. تەيلۇر قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئەسلىدە يوركىشېر شەھىرىدىكى بىر نامرات پوپ. ياش چاغلىرىدا ۋىكلىفنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆشرە-زاكاتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، چېركاۋلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشنى، دىنىي تەبىقە تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن لوللارد مەزھىپىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى بولۇپ قالغان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1381-يىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، قوزغىلاڭنىڭ بىر رەھبىرىگە ئايلانغان. ئۇ ئۆز باياناتلىرىدا، يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى، سىنىپىي باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى، ھەتتا مال-مۈلۈكلەرنىڭمۇ باراۋەر بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ «ئادەم ئاتا تېرىقچىلىق قىلغان، ھاۋا ئانا بابكارچىلىق قىلغاندا كىملەر ئاقسۆڭەك ئىدى؟» دېگەن مەشھۇر بىر جۈملە سۆزى ناھايىتى كەڭ تارقالغان. دېھقانلار قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلگەن.

بالېمباڭ

  • بالېمباڭ[يەشمىسى:]Palembang) «كونا پورت»قا قاراڭ.

بالېۋا

  • بالېۋا[يەشمىسى:]Abubakar Tafawa Balewa، 6691 - 2191). نېگىرىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى زۇڭلىسى (6691 - 0691). شىمالىي نېگىرىيىدىكى بائۇچى (Bauchi) ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، خائۇسا (Hausa) مىللىتىدىن. ياش ۋاقتىدا كاسىنا دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1944-يىلى مەكتەپ مۇدىرى بولغان. 1945-يىلى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىغا كىرىپ بىلىم ئاشۇرغان. ئىككىنچى يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. 1591 - 7491-يىللىرى مەركىزىي قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1951-يىلى شىمالدىكى خەلقنىڭ يىغىن پارتىيىسى قۇرۇشىغا ھەمكارلىشىپ، بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىس بولغان. 4591 - 2591-يىللىرى جامائەت قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى، 7591 - 5591-يىللىرى ترانسپورت مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى، 1957-يىلى باش مىنىستىر بولغان. 1960-يىلى نېگىرىيە ئىتتىپاقى مۇستەقىللىك جاكارلاپ، زۇڭلى قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئەنگلىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1966-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئىبو مىللىتىدىن بولغان ئوفىتسېرلار قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئۆلتۈرۈلگەن.

بالى دۆلىتى

  • بالى دۆلىتى[يەشمىسى:]Bali) ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن ھازىرقى ياۋانىڭ شەرقىدىكى بالى (Bali) يېرىم ئارىلىدا. مىلادى 517-يىلى (لياڭ سۇلالىسى تيەنلەننىڭ 16-يىلى) ۋە 522-يىلى (لياڭ سۇلالىسى پۇتۇڭنىڭ 3-يىلى) ئىككى قېتىم جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدىمۇ جۇڭگوغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ ئىناق ئۆتكەن. ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان بولۇپ، ھىندى دىنىنىڭ سىۋا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان، ئاھالىنى ۋارنا بويىچە ئايرىغان؛ كېيىن بۇددا دىنىنىڭ ھىنايانا مەزھىپىمۇ تارقالغان. ⅩⅥ ئەسىردە ئىسلام دىنى ياۋادا كەڭ تارقالغاندا، يەرلىك ھىندى دىنىنىڭ كاھىنلىرى شەرققە كۆچۈپ بالىغا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئارال يەنىلا ھىندى دىنىنىڭ تايانچ نۇقتىسى بولۇپ قالغان. بالى 1882 — 1908-يىللىرى گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. بەزى كىشىلەر كالىمانتان ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن ئىلگىرى بالى دۆلىتى ئىدى، دېيىشىدۇ.

بالىتۇڭ بەگلىكى

  • بالىتۇڭ بەگلىكى[يەشمىسى:]«ماتارام پادىشاھلىقى» غا قاراڭ.

بالى ئۇرۇشى

  • بالى ئۇرۇشى[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا بولغان بالى ئارىلىدىكى خەلقلەرنىڭ گوللاندىيىگە قارشى ئۇرۇشى. بالىنىڭ ئورنى ياۋا ئارىلىنىڭ شەرقىدە بولۇپ، ئىزچىل ھالدا مۇستەقىللىكنى ساقلاپ كەلگەن. توققۇز نەپەر قەبىلە باشلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1846-يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنى بالى ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلىپ، قەلئەلەرنى كۆيدۈرۈپ، بالى سۇلتانى بىلەن سۇلتان كاران ئاسىننى ئولپان تاپشۇرۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر قىلغان. 1848-يىلى يەنە بىر قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، بالى قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1849-يىلى گوللاندىيە ئارمىيىسى بالىنى ئىشغال قىلغان، ئەمما يەرلىك قەبىلە باشلىقىنىڭ ئىچكى ئىشلاردا ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

بامبۇكزارلىقتىكى بۇددا ئىبادەتخانىسى

  • بامبۇكزارلىقتىكى بۇددا ئىبادەتخانىسى[يەشمىسى:] سانسكرىتچە Venu vana vihara نىڭ مەنە تەرجىمىسى. تولۇق ئاتىلىشى «كاراندا بامبۇكزارلىقى» (Karanda venuvanavihara). قەدىمكى ھىندىستاندىكى دەسلەپكى بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى. راجا گرىخا شەھىرى بىلەن يۇقىرى ماۋ شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ يەر ئەسلىدە كالانداكا مۆتىۋەرلىرىنىڭ ئىلكىدىكى بامبۇكزارلىق بولۇپ، ئۇلار پانىي دۇنياغا قايتقاندىن كېيىن، «بۇ يەردە بۇددا ئىبادەتخانىسى قۇرۇلۇپ، دىنىي ئىشلار مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇلۇپ، بۇدداغا ئىبادەت قىلىنىدىكەن، تاتخاگاتا دائىم بۇ يەردە باشقىلارنىڭ سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىدىكەن» («ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»). يەنە بىر ئېيتىلىشتا، بۇ بامبۇكزارلىق ماگادخا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى بىمبسارا تەرىپىدىن نەزىر قىلىنغانىكەن. ئادەتتە، بامبۇكزارلىقنى مۆتىۋەرلەر نەزىر قىلغان، بۇددا ئىبادەتخانىسىنى بولسا پادىشاھ سالدۇرغان، ساكيامۇنى بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرغان، دەپ قارىلىدۇ. ئۇ سراۋاستى شەھىرىدىكى جېتاۋاناۋىخارا بىلەن قوشۇلۇپ، بۇددا دىنىنىڭ ئىككى چوڭ ئىبادەتخانىسى، دەپ قارىلىپ، بۇددا دىنىنىڭ دەسلەپكى پائالىيىتىنىڭ مەركىزى ھېسابلانغان.

بامىيان تاش غارى

  • بامىيان تاش غارى[يەشمىسى:]ئافغانىستاندىكى بۇددا دىنى مەدەنىيەت مەركىزى، ئافغانىستان پايتەختى كابۇلنىڭ غەربىي شىمالى، ھىندىقۇش تاغ تىزمىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 2400 مېتر كېلىدىغان بامىيان (Bamiyan ياكى باميان Bamian) جىلغىسىدا. جۇڭگولۇق راھىب شۈەنزاڭ بۇ يەرگە كەلگەن بولۇپ، «ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى» ناملىق كىتابتا «بامىيان بەگلىكى» دېيىلگەن. قىيا تاشقا ئويۇپ ياسالغان چوڭ-كىچىك تاش غارلار مىڭغا يېقىن بولۇپ 5.1 كىلومېتر ئارىلىققا سوزۇلغان. ئەسلىدە ئۇلار راھىبلارنىڭ ئۆيى ۋە بۇتخانا بولۇپ، ئۆزئارا پەلەمپەي ۋە كارىدور ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، «يەر ئاستى بۇتخانا» دەپ ئاتالغان. ھازىر غار ئىچىدە بۇتلار يوق دېيەرلىك، تام سۈرەتلىرى تېخىچىلا ساقلانغان، قېزىلغان دەۋرى Ⅳ — Ⅲ ئەسىرلەردىن تارتىپ، Ⅷ — Ⅶ ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ. قىيادا ئىككى دانە ناھايىتى زور بۇت بولۇپ، غەرب تەرەپتىكىسىنىڭ ئېگىزلىكى 53 مېتر كېلىدۇ، بۇ دۇنيادا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ ئېگىز بۇت ھېسابلىنىدۇ، شەرق تەرەپتىكىسى 35 مېتر كېلىدۇ، ئۇنىڭ يۈز قىسمى ۋە بىلەك قىسمى بۇزۇۋېتىلگەن. بۇت تەكچىسىنىڭ چوققىسىغا سۈرەت سىزىلغان بولۇپ، ئىشلەنگەن ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، بەزىلەر ئۇنى مىلادى Ⅴ — Ⅳ ئەسىرلەردە سىزىلغان دەپ قارايدۇ.

بانتېن دۆلىتى

  • بانتېن دۆلىتى[يەشمىسى:]Banten) ھىندۇنېزىيىدىكى فېئودال ئىسلام دۆلىتى، ياۋا ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. دەسلەپتە دېماك دۆلىتىگە تەۋە ئىدى. 1568-يىلى ھاسانۇددىن (Hassanddin، تەخمىنەن 1552 — 1570-يىلى تەختتە ئولتۇرغان) مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن مەزكۇر دۆلەتنى قۇرغان. بانتېن تەرەققىي قىلىپ سودا مەركىزىگە ئايلىنىپ، جۇڭگو، ئوتتۇرا جەنۇبىي يېرىم ئارىلى، ھىندىستان، پېرسىيە ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان سودا ئىشلىرى راۋاج تاپقان. 1596-يىلى سۇماترانىڭ كونا پورتىغا ھۇجۇم قىلىپ، مەغلۇپ بولۇپ قايتقان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، گوللاندىيە مۇستەملىكىچى كۈچى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. سۇلتان ئاگۇڭ (Sultan Agung، Abdul Fatah)ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (2861 - 1561)، گوللاندىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى بىلەن كۈرەش قىلىپ، باداۋىيىگە بىرنەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلغان. 1683-يىلى، پادىشاھلىق تەختىنى تالىشىش تۈپەيلىدىن ئىچكى ماجىرا يۈز بەرگەن. سۇلتان ئاگۇڭ ئۆزىنىڭ ئوغلى سۇلتان ھاجى (Sultan Haji، 7861 - 2861-يىلى تەختتە) تەرىپىدىن گوللاندىيىلىكلەرنىڭ ياردىمى بىلەن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئەسىرگە ئېلىنغان. 1684-يىلى، بانتېن گوللاندىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان.

بانتېن خەلق قوزغىلىڭى

  • بانتېن خەلق قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ⅩⅧ ئەسىردە ياۋا ئارىلىدىكى بانتېن خەلقىنىڭ گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىغا قارشى كۆتۈرگەن قوزغىلىڭى. 1750-يىلى بانتېن خەلقى ئىسلام دىنى ئۆلىماسى كجاي تاپا (Kjay Tapa) نىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، بانتېن خانىكىسى پاتىمە (Patima) نىڭ گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ۋەلىئەھدنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كۈيئوغلىنى سۇلتان قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىغا قارشى تۇرغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن خانىكىنىڭ ئارمىيىسىنى يېڭىپ، ياردەمگە كەلگەن گوللاندىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنىنى يوقاتقان، گوللاندىيىنىڭ بانتېن تەۋەسىدىكى قورغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى پاچاقلاپ تاشلىغان ھەمدە جەنۇبىي بانتېندا ھاكىمىيەت قۇرغان. يامان ۋەزىيەتنى ئوڭشىۋېلىش ئۈچۈن، شەرقىي ھىندىستان شىركىتى پاتىمەنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، مەرھۇم سۇلتاننىڭ ئىنىسىنى نايىپ قىلغان، بىراق قوزغىلاڭچى قوشۇن ھىمايە قىلىپ تۇرغۇزغان بۇئاڭنىڭ (Bagus Ratu Buang) سۇلتانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن داۋاملىق جەڭ قىلىپ، باداۋىيىنى قورشىۋالغان. گوللاندىيە ئوتتۇرا ياۋادىن قوشۇن يۆتكەپ مۇھاسىرىدىن قۇتۇلغان ھەمدە قوزغىلاڭچى قوشۇننى مەغلۇپ قىلغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن لامپاڭ بوگور، باندۇڭدا يۆتكىلىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئاخىرىدا ماتارامغا چېكىنىپ كەتكەن.

بانجېرماسىن

  • بانجېرماسىن[يەشمىسى:]Banjermasin ياكى Bandjarmasin) قىسقارتىلىپ ماسىنمۇ دېيىلىدۇ. ھازىر ماچىن دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. قەدىمكى بەگلىك. ئورنى كالىمانتان ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا. ⅩⅡ ئەسىردە بەگلىك بولۇپ قۇرۇلغان. ⅩⅣ ئەسىردە مادجاپاھىت (Madjapahit) بەگلىكىگە ئىتائەت قىلغان. دەسلىپىدە ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋادىكى دېماك بەگلىكىگە تەۋە بولغاندىن كېيىن ئىسلام دىنى تەدرىجىي ھالدا ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مۇستەقىل بولۇپ، سۇلتانلىق قۇرۇلغان، بىر مەزگىل كالىمانتاننىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى بەزى يەرلەرنى بېسىۋالغان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە باشلىغان، پايتەخت ماسىن ئاياغ ئاستى قىلىنغان، كېيىن گوللاندىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تالاش-تارتىشتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭسىز شەرتنامىگە ئىمزا قويۇپ، ئۇنىڭغا بولغان كونتروللۇقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن، 1787-يىلى، گوللاندىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ بېقىندىسى بولۇپ قالغان. 1859-يىلى ماچىن سۇلتانلىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ زېمىنى بىۋاسىتە گوللاندىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلەرنىڭ قارىمىقىدا بولغان.

باندارانايىك

  • باندارانايىك[يەشمىسى:]Solomen West Ridgeway Dias Bandaranaike،1899- 1959). سەيلۇن (ھازىرقى سىرىلانكا) نىڭ زۇڭلىسى (1959 — 1956). كولومبۇدا تۇغۇلغان. ئوكسفورد داشۆسىدە قانۇن ئۆگەنگەن. لوندوندىكى ئوردا ئىچى ئادۋوكاتلار شۆيۈەنىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئادۋوكاتلىق لاياقىتىگە ئىگە بولغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن پائال تۈردە سىياسىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان، مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيىسىگە كىرگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ پارتىيىنىڭ رەھبىرى بولغان. 1931-يىلى دۆلەت ئىشلىرى كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان؛ 1936-يىلى يەرلىك مەمۇرىي مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1946-يىلى بىرلەشكەن مىللىي پارتىيىگە قاتناشقان. ياندۇرقى يىلى سەھىيە ۋە يەرلىك مەمۇرىي مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1951-يىلى بىرلەشكەن مىللىي پارتىيىدىن چېكىنىپ چىققان ھەمدە مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، سىرىلانكا ئەركىنلىك پارتىيىسىنى قۇرغان ھەمدە رەئىس بولغان. 1952-يىلى ئاۋام پالاتاسىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ يولباشچىسى بولغان. 1956-يىلى تۆت پارتىيىنىڭ ئىتتىپاقى بولغان «خەلق بىرلەشمە سېپى» نى ئۇيۇشتۇرۇپ، سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ غەلىبە قىلغان. 4-ئايدا زۇڭلى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە مىللەتپەرۋەرلىك ۋە تىنچلىق-بىتەرەپلىك ئاساسىدىكى ئىچكى-تاشقى سىياسەتنى يولغا قويغان. جۇڭگو-سەيلۇن دوستلۇقىنى تەشەببۇس قىلغان. 1959-يىلى 9-ئايدا سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

باندون يىغىنى

  • باندون يىغىنى[يەشمىسى:] «ئاسىيا-ئافرىقا يىغىنى»غا قاراڭ.

باندۇلا

  • باندۇلا[يەشمىسى:]Maha Bandula، تەخمىنەن 5281 — 2871) بىرمىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى تۇرۇشتىكى ئاتاقلىق سەركەردىسى. ئەسلى ئىسمى مائوڭيى (Maungyit). جابۇيەندە تۇغۇلغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا باتۇر، ئۇرۇشقا ماھىر بولغانلىقتىن بىرما پادىشاھى بوداۋپايانىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان، ھەربىي خىزمەتكە تەيىنلىگەن. كېيىن ئاسام ۋە ئالاگەننىڭ باش ۋالىيسى بولۇپ، چېگرىدىكى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىپ، ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. بىرىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە-بىرما ئۇرۇشىدا (6281 - 4281) رانگۇن قولدىن كەتكەندە، دەرھال ئەسكەر باشلاپ رانگۇن ئالدىنقى سېپىگە قايتىپ ئازلا ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن ھەمدە ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنى رانگۇن شەھىرىگە بىرنەچچە ئاي قامىۋالغان. كېيىن دانۇبيۇ (Danubyu) جېڭىدە مەردلەرچە قۇربان بولغان.

بانكروفت

  • بانكروفت[يەشمىسى:]1) گېئورگې بانكروفت (George Bancroft، 1800 - 1891) ئامېرىكا تارىخشۇناسى. دەسلەپ خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن گېرمانىيىگە بېرىپ ھېيدېلبېرگ، گېتتىنگېن، بېرلىن داشۆلىرىدە ئوقۇغان. دوستلىرى بىلەن ماسساچۇسېت شتاتىدىكى نوسانپوتوندا مەكتەپ تەسىس قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرى، ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى، گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. ئۇنىڭ ئون توملۇق «ئامېرىكا تارىخى» دېگەن ئەسىرى ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى بايان قىلغان مەشھۇر ئەسەر. ئۇنىڭدىن باشقا «ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش تارىخى» دېگەن ئىككى توملۇق ئەسىرى بولۇپ ئۇ ئالدىنقى كىتابنىڭ قوشۇمچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (2) خۇبېرت بانكروفت (Hubert Howe Bancroft، 8191 — 2381). ئامېرىكا تارىخشۇناسى ۋە نەشرىياتچىسى. دەسلەپ كىتابخانىدا ئىشلىگەن. 1852-يىلى سان-فرانسىسكۇدا كىتابخانا ۋە نەشرىيات كارخانىسى تەسىس قىلغان. ھەر تەرەپتىن ماتېرىيال توپلاپ، «ئامېرىكا غەربىي قىسمىنىڭ تارىخى مەجمۇئەسى» («تىنچ ئوكيان بويىدىكى شتاتلار تارىخى»)دىن 39 توم تۈزگەن، ئۇنىڭ تۆتىنى ئۆزى يازغان، قالغانلىرىنى ياردەمچىلىرى يازغان. مەجمۇئەدە تىنچ ئوكيان ياقىسىدىكى رايونلارغا دەسلەپ كەلگەن كۆچمەنلەرگە ئائىت مول ماتېرىياللار ساقلانغان. ئۇنىڭ «يېڭى تىنچ ئوكيان»، «سىياسىي ۋە شەخس ھەققىدە ئەسلىمىلەر»، «كېيىنكى كۈنلەردە» دېگەنگە ئوخشاش ئەسەرلىرى بار.

بانكوۋىك

  • بانكوۋىك[يەشمىسى:]Andera Bankovic، 1191 - 7581). سېربىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى. ياغاچچى. ئىلگىرى چەت ئەللەردە ئىشلەۋاتقىنىدا سوتسىيالىزمچىلار بىلەن تونۇشقان، فرانسىيىلىك بلانكىچىلار شۋېتسارىيىلىك بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىكى باكۇنىنچىلار، روسىيىلىك ۋە پولشالىق ئىنقىلابچىلار ھەمدە پرولېتارىيات سىياسىي پارتىيىلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتقان. 1886-يىلى، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پولشادىن قوغلىنىپ، ۋەتىنىگە قايتقان. 1887-يىلى سەينىچ(姆·采尼契) بىلەن بىرلىكتە قول سانائەتچىلەر جەمئىيىتى قۇرغان. 1889-يىلى نىستا تۆمۈريول ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان. سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى قۇرۇش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1896-يىلى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ لوندوندا ئېچىلغان تۆتىنچى قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. ئىككىنچى يىلى سېربىيە سوتسىيال دېموكراتلارنىڭ ژۇرنىلى «ئىشچىلار خەۋىرى» نى چىقارغان. 1903-يىلىدىن باشلاپ چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقاندا گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. كېيىن مەملىكىتىگە قايتىپ، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ خىزمىتىگە قاتناشقان. 1909-يىلى تۇنجى قېتىملىق بالقان سوتسىيالىزمچىلار ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتناشقان، سېربىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي جەھەتتە، ئىدىيە جەھەتتە ھەم تەشكىلىي جەھەتتىكى بىرلىكىنى قوغداشقا ۋە «يېڭى دەۋر» نىڭ ئاغمىچىلىق گۇرۇھىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە كۈچ چىقارغان.

بانۇ مىنفېي

  • بانۇ مىنفېي[يەشمىسى:]5981 — 1581) چاۋشيەن پادىشاھى گاۋزۇڭ لى شىنىڭ بانۇسى، سىياسىي مەسلىھەت بېگى مىن جىلۇنىڭ قىزى. 1866-يىلى شىڭشۇەن دايۇەنجۈن رەپىقىسى مىن خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن پادىشاھغا بانۇلۇققا بېرىلگەن. ئۇ ئوردىغا كىرگەندىن كېيىنكى ئالتە يىل جەريانىدا تۇغمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە گاۋزۇڭ بىلەن دايۇەنجۈننىڭ كېنىزەك لى خېنىمدىن بولغان شاھزادىنى ھەددىدىن ئارتۇق ئەتىۋارلىشىدىن بىزار بولۇپ، بارا-بارا دايۇەنجۈن بىلەن ئارازلاشقان. دايۇەنجۈنمۇ 1874-يىلى گاۋزۇڭ ئۆزى ھاكىمىيەت سورىغانلىقى ئۈچۈن، مىن جەمەتى شىرەم تۇغقانلىرىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق قىلىشىدىن رەنجىپ يۈرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىككى تەرەپ يىگىرمە نەچچە يىل كەسكىن كۈرەش ئېلىپ بارغان. 1882-يىلى رىنۋۇ ھەربىي ئۆزگىرىشىدىن ئىلگىرى بانۇ مىنفېي مۇستەقىلچىلەرگە تايىنىپ، دايۇەنجۈن بىلەن كۈرەش ئېلىپ بارغان. كېيىن يەنە مۇستەقىلچىلەرنى بېسىپ، مىن جەمەتىنى يۆلەپ، جۇڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسى بىلەن يېقىنلاشماقچى بولغان. ئەمما جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىدا چىڭ سۇلالىسى مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر بۇرۇلۇپلا روسىيىگە تايىنىپ، ياپونىيىنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغاپ قويغان. 1895-يىل 10-ئاينىڭ 8-كۈنى دايۇەنجۈن بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالغان ياپونىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىن ئۇنىڭغا خانىكە مىڭچىڭ دەپ نام بېرىلگەن.

بانېرجېئا

  • بانېرجېئا[يەشمىسى:]Surendranath Banerjea، 5291 — 8481) ھىندىستان خەلق كونگىرېسى پارتىيىسىنىڭ مۆتىدىللەر يولباشچىسى. براخمان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كالكوتتا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 20 يېشىدا ھىندىستاندا مەمۇرىي ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. 1871-يىلى سىلخېت (ھازىر بېنگال تەۋەسىدە) شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1876-يىلى ئاناندموخان بوسې (Anand Mohan Bose) قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە ھىندى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىققان. 1879-يىلى «بېنگاللار» گېزىتىنى چىقارغان. 1895-يىلى ۋە 1902-يىلى ئىككى قېتىم خەلق كونگىرېسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان. بېنگال ئۆلكىلىك قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى ۋە مەركىزىي قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1905-يىلى بېنگال خەلقىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان. ئەنگلىيە ماللىرىغا تاقابىل تۇرۇشنى، «ئۆزى ئىشلەش»نى تەشەببۇس قىلغان. ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە قارشى تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت ئىسلاھاتى ئارقىلىق ھىندى ئاپتونومىيىسىنى يولغا قويۇشنى تەكىتلىگەن. 1906-يىلى قولغا ئېلىنغان. 1919-يىلى مۆتىدىللەرنىڭ بىر قىسىم پېشقەدەملىرى بىلەن خەلق كونگىرېسى پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، لىبېراللار ئىتتىپاقىنى تەشكىللىگەن. 1921-يىلى بېنگال ئۆلكىسى يەرلىك ئاپتونومىيە مىنىستىرى بولغان. ئۇنىڭ «بىر دۆلەتنىڭ مەيدانغا كېلىشى» دېگەن تەرجىمىھالى بار.

باھادىر شاھⅡ

  • باھادىر شاھⅡ[يەشمىسى:]Bahadur Shah،2681 — 5771) ھىندىستان موغۇل ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى (8581 — 7381). تەختتىكى مەزگىلىدە، قۇرۇق نامىلا بولۇپ، تامامەن ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان. 1857-يىل 5-ئاينىڭ 11-كۈنى مېرۇت (Meerut) ئەنگلىيىگە قارشى قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ھىندىستان مىللىي چوڭ قوزغىلىڭىنىڭ ئاتاق داھىيسى قىلىنغان. 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، دېھلى قولدىن كېتىپ، ئەنگلىيە قوشۇنىغا ئەسىر چۈشكەن. 1858-يىلى 1-ئايدا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ياڭگۇاڭدا قېرىپ ئۆلگەن.

بائۇمان

  • بائۇمان[يەشمىسى:]Николай Эрнестович Бауман 1873 — 1905). روسىيىنىڭ دەسلەپكى ئىنقىلابىي پائالىيەتچىسى. قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مال دوختۇرلۇق ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ياش ۋاقتىدا قازاندا ئىنقىلابىي ئىشچىلار، ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسىنى قۇرغان. 1896-يىلى پېتېربۇرگ «ئىشچىلار ئازادلىق كۈرىشى جەمئىيىتى» گە قاتناشقان. كېيىن چەت ئەلدە لېنىن باشقۇرغان «ئۇچقۇن» گېزىتىگە ھەمكارلاشقان، كۆپ قېتىم دۆلىتىگە مەخپىي ھالدا قايتىپ تەشكىللەش، تەشۋىقات خىزمىتى ئېلىپ بارغان. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتنىشىپ، لېنىننىڭ ئىنقىلابىي لۇشيەنىنى قەتئىي ھىمايە قىلغان. شۇ يىلى 12-ئايدا، روسىيە سوتسىيال ئىشچىلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى شىمالىي بيۇروسى ۋە موسكۋا پارتگۇرۇپپىسىغا رەھبەرلىك قىلغان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1905-يىلى ئۆكتەبردىكى روسىيە بويىچە سىياسىي ئىش تاشلاش مەزگىلىدە قويۇپ بېرىلگەن. كېيىن موسكۋادا نامايىشقا قوماندانلىق قىلىۋاتقاندا قارا قوللار گۇرۇھىنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

بائۇئېر

  • بائۇئېر[يەشمىسى:]Bruno Bauer، 2881 — 9081)، گېرمانىيىلىك ئىدېئالىست پەيلاسوپ، تارىخشۇناس، ياش گېگېلچىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى. 1834 - 1842-يىللاردا بېرلىن، بونن داشۆلىرىدە ئىلاھىيەت لېكتورى بولۇپ، «يوھان ئىنجىل تارىخىغا تەنقىد»، «ئوخشاش نۇقتىئىنەزەردىكى ئىنجىل كىتابى ئاپتورىنىڭ ئىنجىل تارىخىغا تەنقىد» دېگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ نام چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئەسەرلەردە چېركاۋنى تەنقىد قىلىپ، ئەيسانىڭ تارىخىي چىنلىقىنى ۋە ئىنجىل ھېكايىلىرىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى ئىنكار قىلىپ، دىنىي قائىدە-نىزاملارغا چېقىلغانلىقى ئۈچۈن، 1842-يىلى بونن داشۆسىدىكى خىزمىتىدىن بوشىتىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن تەركىدۇنيا بولۇپ، مەخسۇس تەتقىقات ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. پەلسەپەدە «چەكسىز مەندىكى ئاڭ» نى گېگېلنىڭ «مۇتلەق ئىدىيە» سىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. تارىخىي كۆز قاراش جەھەتتە، تەنقىدىي شەخسىي «مەندىكى ئاڭ» دۇنيا تارىخىنى يارىتىدىغان ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، دەپ قارىغان ھەمدە مەدەنىيەت بىلىمىگە ئىگە ئاتالمىش «تەنقىدچىلەر» بىلەن خەلق ئاممىسىنى قارىمۇ قارشى قىلىپ قويۇپ، ئالدىنقىلارنى «روھ» نىڭ ۋەكىلى، كېيىنكىلەرنى تارىخ تەرەققىياتىنىڭ توسالغۇسى، «توختاپ قالغان ماددا» دەپ ئاتىغان. دەسلەپتە ئۆزىنى بۇرژۇئا رادىكالى دەپ ھېسابلىغان، كېيىن كونسېرۋاتىپقا ئايلىنىپ كەتكەن ھەمدە بىسماركنىڭ كەتمىنىنى چاپقان. ماركس بىلەن ئېنگېلس «مۇقەددەس ئائىلە»، «نېمىس ئىدېئولوگىيىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل تەنقىد قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى «ⅩⅧ ئەسىرنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە مەرىپەت تارىخى»، «ناپولېئون دەۋرىدىكى گېرمانىيە تارىخى ۋە فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ تارىخى»، «ئىنجىلغا تەنقىد ۋە ئىنجىلنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

باۋارىيە

  • باۋارىيە[يەشمىسى:]بايېرن(Bayern). سابىق گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ شتات. ئورنى شەرقىي جەنۇبتا. مەركىزى ميۇنخېن. ئەسلىدە گوتلار ئولتۇراقلاشقان، مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅠ ئەسىردە رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. مىلادى Ⅵ—Ⅴ ئەسىرلەردە، گېرمانلارنىڭ باۋارىئى (لاتىنچە، Bavarii) قەبىلىسى بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، باۋارىئى دېگەن ئىسىم شۇنىڭدىن كەلگەن. مىلادى 788-يىلى ئىمپېراتور كارولوس بۇ جاينى ئىگىلەپ، كارولوس ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان. مىلادى 843-يىلى كارولوس ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن، شەرقىي فرانكې پادىشاھلىقىغا ئايرىپ بېرىلگەن. ⅩⅠ ئەسىردە كىنەزلىك بولغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يۇقىرى باۋارىيە ۋە تۆۋەن باۋارىيىگە بۆلۈنگەن. يۇقىرى باۋارىيە كىنەزى لۇئى 1328-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى پادىشاھى، يەنى لۇئى Ⅳ(باۋارىيىنىڭ) بولۇپ سايلانغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، يۇقىرى باۋارىيە ۋە تۆۋەن باۋارىيە قايتىدىن بىرلەشكەن. دىنىي ئىسلاھات مەزگىلىدە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 1609-يىلى، كىنەز ماكمىللان Ⅰ كاتولىك دىنى ئىتتىپاقى تەشكىللىگەن، كېيىن 30 يىللىق ئۇرۇشقا ئاكتىپ قاتناشقان(8461 - 8161).1623-يىلى باۋارىيە كىنەزى كورۇل سايلاش كىنەزى ئورنىغا ئېرىشكەن. 1648-يىلدىكى «ۋېستفالىيە كېلىشىمى» گە ئاساسەن، باۋارىيە يۇقىرى پوۋلاست (بالدىن)غا ئىگە بولغان. 1806-يىلى پادىشاھلىققا ئۆزگەرتىلگەن. 1871-يىلى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىگە قوشۇۋېتىلگەن.

باۋارىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى

  • باۋارىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:] يەنە ميۇنخېن سوۋېت جۇمھۇرىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.1919-يىل 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، گېرمانىيىدىكى نويابىر ئىنقىلابى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەندە، باۋارىيە شتاتىدىكى پرولېتارلار پايتەخت ميۇنخېندا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، كومپارتىيە ئەزالىرى باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىنغان، سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇرژۇئازىيىنى قورالسىزلاندۇرۇپ، قىزىل گۋاردىيىچىلەر بىلەن قىزىل ئارمىيە تەشكىللىگەن ھەمدە ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى، تەقسىماتنى نازارەت قىلىشىنى يولغا قويغان، بانكا ۋە تۆمۈريولنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋالغان. بىراق ئىشچى-دېھقانلار ئىتتىپاقىنى مۇستەھكەملىمىگەنلىكى ۋە ئەكسىلئىنقىلابنى تەلتۆكۈس باستۇرمىغانلىقى، مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭچىلىرى يەنە ئىچكى قىسىمدا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىدىن، 5-ئاينىڭ 1-كۈنى فېدېراتىپ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ، گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابى ئاخىرلاشقان. 

بائىللىي

  • بائىللىي[يەشمىسى:]Sylvain Bailly Jean، 3971 - 6371) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، ئاسترونوم. ئىنقىلابتىن كېيىن ئاسترونومىيە تەتقىقاتىدا داڭقى چىققاچقا، فرانسۇز پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان (1783). 1789-يىلى پارىژ ئۈچىنچى دەرىجىلىكلەر ۋەكىللىكىگە سايلىنىپ، ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۈچىنچى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ رەئىسى بولغان. 6-ئاينىڭ 17-كۈنى خەلق پارلامېنتىغا سايلىنىپ، پارلامېنتنىڭ تۇنجى باشلىقى بولغان.6-ئاينىڭ 20-كۈنى، مەشھۇر «سېتكا توپ مەيدانى قەسەمياد يىغىنى» غا رىياسەتچىلىك قىلغان. 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، پارىژنىڭ تۇنجى شەھەر باشلىقى بولغان؛ 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، لافايېتتې بىلەن بىللە پارىژغا قايتقان كورۇلنى كۈتۈۋالغان. 1791-يىلى 6-ئايدا، كورۇل چەت ئەلگە قاچقىنىدا تۇتۇلۇپ قامالغاندىن كېيىن، مونارخىستلار مەيدانىدا تۇرۇپ، مارس مەيدانىدىكى قىرغىنچىلىق ۋەقەسىگە قاتناشقان. 11-ئايدا، خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. كېيىن پەن تەتقىقات ھەمدە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1793-يىلى 11-ئايدا ئىنقىلابىي سوت تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ«يۇپېتېر ھەمراھىنىڭ پرىنسىپلىرى»، «يۇپېتېرنىڭ ھەمراھى يورۇقلىنىشنىڭ تەكشىلىكى ۋە يېتەرسىزلىكى ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى»، «ئاسترونومىيە تارىخى»، «ئىنقىلابنى كۆرگەن بىر گۇۋاھچىنىڭ ئەسلىمىسى» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرى بار.

بايازدⅠ

  • بايازدⅠ[يەشمىسى:]Bajazet I تەخمىنەن 3041 - 7431) تۈركىيە سۇلتانى (2041 - 9831). مۇراد Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختتىكى مەزگىلىدە ئەجدادلىرىنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، سېربىيە ۋە بۇلغارىيىنى بويسۇندۇرغان. 1395-يىلى ۋېنگرىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. ئىككىنچى يىلى نىكوپول جېڭىدە يەنە ۋېنگرىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رىتسارلىرىدىن تەركىب تاپقان ئەھلىسەلىپ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. 1041 - 4931-يىللىرى كۆپ قېتىم كونستانتىنوپولغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان. كىچىك ئاسىيادا، 1390 — 1397-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شۇ يەردىكى بەزى ئەمىرلىكلەرنى بويسۇندۇرغان. 1402-يىلى ئەنقەرە جېڭىدە تېمور تەرىپىدىن يېڭىلىپ، ئەسىرگە چۈشكەن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن.

بايرون

  • بايرون[يەشمىسى:]George Gordon Byron، 4281 — 8871) ئەنگلىيىلىك رومانتىك شائىر. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1808-يىلى كىمبرىج داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1181 - 9081-يىللىرى ئىسپانىيە، يۇنان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ساياھەت قىلىپ، بۇ دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا، ئېزىلىشكە قارشى كۈرەشلىرىنىڭ چوڭقۇر رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن «گارولدىنىڭ ساياھىتى» ناملىق داستانىنى ئېلان قىلىپ، فېئودال مۇستەبىتلىك زۇلۇمغا قارشى غەزەپ-نەپرىتىنى، بۇرژۇئازىيە ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىسىگە بولغان تەلپۈنۈشىنى ئىپادىلىگەن. 1812-يىلى پارلامېنتتا نۇتۇق سۆزلەپ نېدلودد ھەرىكىتىگە قاتناشقۇچىلارنى ئاقلاپ، ئىشچىلارنى باستۇرغانلىق قىلمىشلارنى ئەيىبلىگەن. 6181 - 3181-يىللىرى ئارقا-ئارقىدىن «شەرق پوئېمىسى» نى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار يەككە-يېگانە قارشىلىق كۆرسەتكەن قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق ئەنگلىيە دائىرىلىرىگە زەربە بەرگەن. كېيىن ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ياۋروپاغا ساياھەت قىلغان. 1817-يىلى شېئىرىي دراما «مانفېلد» نى ئېلان قىلغان. بۇ درامىدا ئەينى چاغدا ياۋروپادىكى بىر قىسىم زىيالىيلارنىڭ زامانغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۈمىدسىزلىك تۈسىنى ئالغان. ئىتالىيىدىكى چاغلىرىدا كوكۇسچىلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ھەمدە «برونزا دەۋرى» ناملىق داستاننى يېزىپ، مۇقەددەس ئىتتىپاقنىڭ ئەكسىيەتچىل قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلىغان. 1823-يىلى يۇناندا ئولتۇراقلاشقان، يۇنان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ۋەكىل خاراكتېرلىك داستانى «دون جۇئان» دا ئاقسۆڭەك ياش دون جۇئاننىڭ ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق ياۋروپادىكى فېئودال كۈچلەرگە زەربە بېرىپ، بۇرژۇئازىيە جەمئىيىتىنىڭ ساختىلىقىنى مەسخىرە قىلغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ياۋروپا رومانتىزم ئەدەبىياتىغا خېلىلا زور تەسىر كۆرسەتكەن.

بايرۇم

  • بايرۇم[يەشمىسى:]Bairum) قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 5951 — 4981) دىكى دائىمىي ئارمىيىدىكى بىر خىل نام. بۇ ئارمىيە بەلكىم يېنىك قوراللانغان پىيادىلەر قىسمى بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە دۆلەتتىن ھەربىي سەپتە خىزمەت ئىشلىگەنلەر ئۈلۈشلۈك يەر (تېرىلغۇ يەر، ئۆي) گە ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئېلىپ-سېتىشقا رۇخسەت يوق ئىدى. باشقىلارنىڭ سېتىۋېلىشىغىمۇ يول قويۇلمايتتى. «ھاممۇرابى قانۇنى» دا، پەقەت ئوغلى دادىسىنىڭ ھەربىي خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغاندىلا، ئۈلۈشلۈك يەرگە ۋارىسلىق قىلالايدۇ، ئەكسىچە مەزكۇر ئۈلۈش يەر ۋەكالىتەن ھەربىي خىزمەت ئۆتەيدىغان باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. مانا بۇ قەدىمكى بابىلوندىكى بىر خىل مۇھىم ھەربىي خىزمەت ئۆتەش تۈزۈمى ھېسابلىنىدۇ. مۇنتىزىم ئارمىيىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى رېدۇم، بۇ ئېغىر قوراللانغان پىيادىلەر قىسمىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «ھاممۇرابى قانۇنى» دىكى بايرۇم بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنغان.

بايكوت

  • بايكوت[يەشمىسى:] ئىنگلىزچە Boycott نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئەسلىدە ئادەم ئىسمى. كېيىن «مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ يېتىم قالدۇرۇش»قا ئىشلىتىلگەن. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئېرلاندىيىدىكى يەر ھەرىكىتىدە ئىجارىكەشلەرنىڭ ئەنگلىيە پومېشچىكلىرىغا قاراتقان بىر خىل كۈرەش شەكلى.1880-يىل 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېرلاندىيە مىللىي ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى پارنېل ئىجارىكەشلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىجارىكەشلەرنى ياۋۇزلارچە ھەيدەپ چىقارغان ئەنگلىيە پومېشچىكلىرىنىڭ گۇماشتىسى بايكوت (Charles Cunningham Boycott، 1832 — 1897) قا قارىتا مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشتىن ئىبارەت جازالاش تەدبىرىنى قوللانغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆز يېڭى مەنىگە ئىگە بولغان. كېيىن بىرلەشتۈرۈلۈپ شەخس، تەشكىلات، دۆلەت بىلەن سودا-سېتىق ياكى ياللىنىش قاتارلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشتىكى بىر خىل ئىقتىسادىي ياكى ئىجتىمائىي بايقۇت ئېلان قىلىش ھەرىكىتىدىكى بىر ئاتالغۇغا ئايلىنىپ قالغان.

بايوننې ئاساسىي قانۇنى

  • بايوننې ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:]ⅩⅨئەسىرنىڭ باشلىرىدا ناپولېئوننىڭ ئىسپانىيە ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان ئاساسىي قانۇنى. ئىسپانىيىلىك ئاقسۆڭەكلەر بۇ قانۇننى 1808-يىلى 7-ئايدا فرانسىيىنىڭ چېگرا شەھىرى بايوننې (Bayonne) دا قوبۇل قىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدا: ئىسپانىيە پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىدىكى دۆلەت، پارلامېنت يۇقىرى پالاتا، تۆۋەن پالاتا دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، يۇقىرى پالاتا كورۇل تەيىنلىگەن ئۆمۈرلۈك پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، تۆۋەن پالاتانىڭ قىسمەن ئەزالىرى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، قىسمەنلىرى شەھەرلىك پارلامېنت تەرىپىدىن كۆرسىتىلىدۇ، قىسمەنلىرىنى كورۇل تەيىنلەيدۇ؛ 24 كىشىدىن تەركىب تاپقان زوراغالىق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەزالىرىنى كورۇل تەيىنلەيدۇ ھەمدە ئۆمۈر بويى خىزمەت قىلىدۇ؛ ئاشكارا سوت قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، قىيناپ سوراق قىلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛ مەملىكەت ئىچىدىكى چېگرا بېجى ئېلىپ تاشلىنىدۇ، خەلق ئىشلىرى ۋە سودا قانۇن-نىزامى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ؛ كاتولىك دىنى دۆلەت دىنى ۋە بىردىنبىر رۇخسەت قىلىنغان دىن بولىدۇ؛ مۇستەملىكە ۋە مېتىروپولىيىدىكى ئاھالىلەر ھوقۇقتا باراۋەر بولىدۇ ۋەھاكازالار دەپ بەلگىلەنگەن. 

بايېر

  • بايېر[يەشمىسى:]Fredrik Bajer، 1837 — 1922). دانىيىلىك ئىجتىمائىي پائالىيەتچى. 1872 — 1895-يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1871-يىلى «ئاياللار جەمئىيىتى» قۇرۇپ، ئاياللار ئازادلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان. 1882-يىلى «دانىيە بىتەرەپ جەمئىيىتى» قۇرغان، كېيىن راۋاجلىنىپ، «دانىيە تىنچلىق ئۇيۇشمىسى» دېگەن نام بىلەن ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ قالغان. 1891-يىلى «خەلقئارا تىنچلىق جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، 1907-يىلىغا قەدەر رەئىسلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 1908-يىلى ئۇ شۋېتسىيىلىك ئارنولدىسون (Klas Pontus Arnoldson، 1844 — 1916) بىلەن بىرگە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «سىكاندىناۋىيە بىتەرەپ سىستېمىسى» ناملىق ئەسىرى بار. 

بايىننائۇڭ

  • بايىننائۇڭ[يەشمىسى:]Bayinnaung، تەخمىنەن 1515 — 1581) «ھايتاۋاددى سىنبىيۇشىن» («پېگۇنىڭ ئاق پىل شاھى» دېگەن مەنىدە) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بېرمىدىكى تۇڭگو سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانى (1515 — 1581). سىڭلىسىنىڭ ئېرى تابىنشىۋىختىگە ئەگىشىپ جايلاردا جەڭ قىلىپ، خىزمەت كۆرسىتىپ داڭق چىقارغان. تەختتىكى مەزگىلىدە، تۆۋەنكى بېرمىدىكى ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملىگەن، 1555-يىلى ئاۋانى ئىشغال قىلىۋالغان، كېيىن شىمالدىكى بەگلىكلەرنى بۇيسۇندۇرۇپ، پۈتۈن بېرمىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، شەرقتە چىڭمەي قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىۋالغان؛ 1564-ۋە 1569-يىلى ئىككى قېتىم سىيام (ھازىرقى تايلاند) نىڭ پايتەختى ئايۇتاينى بېسىۋالغان؛ كېيىن يەنە لائوسنى ئۆزىگە بېقىندا دۆلەت قىلىۋالغان. غەربتە مانىپۇر شتاتىغا يۈرۈش قىلغان. ئىچكى سىياسەت جەھەتتە، تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرغان، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، تۆمۈر، مىس تاۋلاش، سىرلانغان ساپال قاچىلارنى ئىشلەش قاتارلىق قول سانائەتنى راۋاجلاندۇرغان، راھىپلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ «داموتاج» (مەشھۇر قانۇنلار توپلىمى)، «جۇسىڭشۇ» (توققۇز قىسىملىق قانۇنلار توپلىمى) قاتارلىق قانۇنلار توپلىمىنى تۈزگەن ھەمدە ئۆزى مەشھۇر «ئاق پىل شاھ ھۆكۈملىرى» نى تۈزگەن.

بەتتانى

  • بەتتانى[يەشمىسى:]Battani-Al، 858 — 929) ئەرەب ئاسترونومى. ئەسلىدە يۇلتۇز ئېتىقادچىلىقى مۇرىتى بولۇپ، كېيىن مۇسۇلمان بولغان. مىلادى 877 — 918-يىللىرى راككا (Rakka، بۈگۈنكى سۈرىيىدە) شەھىرىدە ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. يۇلتۇزلار جەدۋىلىنى تۈزگەن. ئۇنىڭ ئەڭ زور تۆھپىسى يەر شارىنىڭ قۇياشتىن ئەڭ يىراق نۇقتىدىكى ھەرىكىتىنى ئۆلچىگەن بولۇپ، كېيىنكى دەۋرلەردە بۇ ئەڭ يۇقىرى ئايلىنىش دەپ ئاتالغان ۋە تەخمىنەن 70 يىلدا بىر قېتىم تەكرارلىنىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن. سىنۇس ۋە تانگېنس فۇنكسىيىلىرىنى ئاسترونومىيىلىك ھېسابلاشلاردا قوللانغان. ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىق ئاغمىلىق، يۇلتۇز يىلى، تروپىك يىلى، قۇياشنىڭ يەرگە يېقىنلىشىش نۇقتىسىنىڭ ئارىلىق گرادۇسى، قۇياش ۋە ئاي تۇتۇلۇشنىڭ كۆرۈنۈش پەرقلىرى جەھەتلەردىكى ھېسابلاش ھەم كۆزىتىشلىرى ئۆزىدىن بۇرۇنقىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئىنچىكە-پۇختا بولغان. ياۋروپالىقلار بەتتانىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاسترونومىيىنىڭ ئۇلى دەپ قارايدۇ. كوپېرنىك «ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايلىنىشى توغرىسىدا» دېگەن كىتابىدا بەتتانىنىڭ كۆزىتىش ماتېرىياللىرىدىن كۆپلەپ نەقىل كەلتۈرگەن.

بەدر جېڭى

  • بەدر جېڭى[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بىر قېتىملىق جەڭ. مىلادى 624-يىلى 3-ئايدا، مۇھەممەد پەيغەمبەر بىر سودا كارۋىنىنىڭ سۈرىيىدىن مەككىگە يېنىپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تېپىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئادەم ئەۋەتكەن. كارۋان باشلىقى ئەبۇ سۇفيان بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ مەككىدىن ياردەم سورىغان ۋە باشقا يول بىلەن مەككىگە قايتقان. مەككىنىڭ مىڭ كىشىگە يېقىن ياردەمچى قوشۇنى يېتىپ كېلىشىگە، ئىككى تەرەپ مەدىنىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قىزىل دېڭىزغا يېقىن بەدر (Badr) دېگەن جايدا جەڭ قىلغان. نەتىجىدە ئاران 300 كىشىلىك قوشۇنغا ئىگە مۇھەممەد پەيغەمبەر غەلىبە قىلغان. بۇ ئۇرۇش مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ سىياسىي ئابرويىنى ئۆستۈرگەن. 

بەر-بەرلەر دۆلىتى

  • بەر-بەرلەر دۆلىتى[يەشمىسى:]Berbera نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. قەدىمكى زاماندا سومالىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى دېڭىز قىرغاقلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. «يۇياڭدىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار»، «يېڭى تاڭنامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»، «بەگلىكلەر تەزكىرىسى»، «<تەبىئىي بايلىقلار تەزكىرىسى> نىڭ داۋامى» قاتارلىق ئەسەرلەردە بۇ دۆلەت خاتىرىلەنگەن. 

بەسرە زەڭگىلىرى قوزغىلىڭى

  • بەسرە زەڭگىلىرى قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] «زەڭگىلەر قوزغىلىڭى»غا قاراڭ.

بەش بۆلەك تۈزۈمى

  • بەش بۆلەك تۈزۈمى[يەشمىسى:]چاۋشيەننىڭ ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى كورىيە ۋە پىكچى دۆلەتلىرىدىكى قەبىلە ئايرىمىسى ياكى مەمۇرىي رايون ئايرىمىسى. كورىيەنىڭ بەش بۆلەك تۈزۈمى «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى. ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ تەزكىرىسى. ئۇغان، سىيانپى، كۈنچىقىش تائىپلىرى ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرىلىنىشىچە «دۆلەتتە بەش قەبىلە: جۇەننۇ قەبىلىسى، جۆنۇ قەبىلىسى، جۇننۇ قەبىلىسى، گۇەننۇ قەبىلىسى، گۈيلۇ قەبىلىسى بولغان.»ئەسلى جۇەننۇ قەبىلىسىدىن پادىشاھ بولغان، كېيىن گۈيلۇ قەبىلىسى ئالماشقان. «كېيىنكى خەننامە. كۈنچىقىش تائىپلىرى ھەققىدە قىسسە»دە جۇننۇ قەبىلىسى شياۋنۇ قەبىلىسى دەپ ئېلىنغان. پىكچىدا يۇقىرى، ئالدىنقى، ئوتتۇرا، كېيىنكى، تۆۋەنكى بۆلەكلەردىن ئىبارەت بەش بۆلەك بولغان. مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تارىخ ساھەسىدىكىلەردە بەش بۆلەك تۈزۈمىنى قەبىلە ئايرىش، پادىشاھلىق پايتەختىنى مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش ۋە ئاقسۆڭەكلەرنى بۆلەكلەرگە ئايرىش، پادىشاھلىق پايتەخت ۋە مەملىكەت ئىچىنى مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش دېگەنگە ئوخشاش كۆز قاراشلار بولۇپ، تېخى ئېنىق بېكىتىلمىگەن. 

بەش تۈتۈننى بىرلىك قىلىش ئۇسۇلى

  • بەش تۈتۈننى بىرلىك قىلىش ئۇسۇلى[يەشمىسى:]چاۋشيەن لى خاندانلىقى دەۋرىدە خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىكى يەرلىك تۈزۈم، 1407-يىلى (تەيزۇڭنىڭ 7-يىلى) قوشنىلار كېپىللىك قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، كېيىن بەش تۈتۈننى بىرلىك قىلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلىپ «دۆلەت باشقۇرۇش قانۇنلىرى» غا كىرگۈزۈلگەن، ئۇنىڭدا بەش تۈتۈن بىرلىك قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېشى چوڭ، مەرتىۋىسى يۇقىرىلار بىرلىك باشلىقى قىلىنىپ، بەش تۈتۈنگە باشچىلىق قىلغان. بەش بىرلىك بىر مەھەللە قىلىنغان. ئۇنىڭغا مەھەللە باشلىقى تۇرغۇزۇلغان. ئۇلار يەنە كىچىك مەھەللە، ئوتتۇرا مەھەللە، چوڭ مەھەللە دەپ ئايرىلىپ، چوڭ مەھەللىدە 30 بىرلىك بولغان، بىرقانچە مەھەللە بىر يېزا قىلىنىپ، يېزا باشلىقى تۇرغۇزۇلغان. مەھەللە، يېزا باشلىقلىرىمۇ شۇ يەردىكى پۇقرالاردىن سايلانغان، جايلاردىكى خەلق بۇ چارىدىن بىردەك نەپرەتلەنگەن، رىنچىن ۋەتەن ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. كېيىن كۆپ قېتىم قايتا يولغا قويۇش پىكرىدە بولغان. 1676-يىلى (سۇزۇڭنىڭ دەسلەپكى يىلى) 21 ماددىلىق «بەش تۈتۈننى بىرلىك قىلىش پروگراممىسى» ئېلان قىلىنىپ، قوشنىلار كېپىللىك قىلىش، بىللە جازاغا تارتىلىش ئۇسۇلى كۈچەيتىلگەن. بارلىق ئاھالىلەر بىرلىك تاختىسىغا خاتىرىلىنىپ قاتتىق تىزگىنلەنگەن، سىرتقا كۆچۈش، يۆتكىلىپ كىرىشلەر بىردەك بىرلىك ۋە مەھەللىلەرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش؛ خائىن، ئوغرى، سالاھىيىتى ئېنىقسىزلارنى پاش قىلىش، ئۇنداق قىلمايدىكەن، بىرلىك، مەھەللىدىكىلەر بىللە جازاغا تارتىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ ئۇسۇل لى خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگىچە سوزۇلۇپ كەلگەن. 

بەشتىن بىر باج

  • بەشتىن بىر باج[يەشمىسى:]1) ⅩⅥ ئەسىردىن ⅩⅧ ئەسىرگىچە، ئىسپانىيە خان ئوردىسىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى مۇستەملىكىلىرىدىكى كانچىلىقتىن باج ئېلىش تۈزۈمى. 1504-يىلى ئېلان قىلىنغان. خان ئوردىسى كانلارنى ئىجارىگە ئالغان مۈلۈكدارلارغا ئۇلارنىڭ قېزىۋالغان ئالتۇن، كۈمۈش، يېشىل قاشتېشى قاتارلىقلىرىنىڭ قىممىتىنىڭ بەشتىن بىرىنى باج نىسبىتى قىلىشنى، قېزىۋېلىنغان ئالتۇن، كۈمۈشلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ تىللا-تەڭگە ياساش زاۋۇتى ياكى تاۋلاش زاۋۇتلىرىغا ئەۋەتىلىپ تەكشۈرۈلۈشى ۋە تاۋلاپ تامغىلىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەشتىن بىر باج تۆلەپ بۆلۈنۈشى كېرەك دەپ بەلگىلىگەن. كان ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ھەرخىل رايون ۋە ھەرخىل مەزگىللەردە باج نىسبىتى دائىم كېمەيتىلىپ تۇرۇلغان. (2)ⅩⅧ ئەسىردە پورتۇگالىيە خان ئوردىسىنىڭ ئۆز مۇستەملىكىسى برازىلىيە كانچىلىقىغا قوللانغان بىرخىل باج تۈزۈمى، 1729-يىلى پورتۇگالىيە خان ئوردىسى برازىلىيىدىكى بارلىق كان بايلىقىنى «ئۆزىنىڭ ئايرىلماس مۇقەددەس مۇلكى» دەپ جاكارلاپ، ئالتۇن كېنى قازغانلار قېزىۋالغان ئالتۇننىڭ بەشتىن بىرىنى پادىشاھنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇرۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلىگەن. 

بەش رويخەتلىك جاكارنامە

  • بەش رويخەتلىك جاكارنامە[يەشمىسى:] 1868-يىلى 7-ئاپرېلدا ياپونىيە مىيجى ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئەڭ دەسلەپكى پەرمان. مىيجى ھۆكۈمىتى بەش ماددىلىق ئەھدىنامىنى ئېلان قىلىپ ئىككىنچى كۈنى كىيوتو شوگناتلىقىنىڭ ئېلان-جاكارلىرىنى بىكار قىلىپ، بەش ماددىلىق پەرماننى يەنى «بەش رويخەتلىك جاكارنامە»نى چىقارغان؛ بىرىنچى، بەش ئەقىدە يولىنى تۇتۇش، سالپى-ساياق، يېتىم-يېسىر، مېيىپلارغا ئىچ ئاغرىتىش؛ قاتىللىق، ئوت قويۇش، مال-دۇنيا ئوغرىلاش قاتارلىق يامان ئىللەتلەرنى قىلماسلىق؛ ئىككىنچى، گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ زورلۇق قىلىشنى ياكى توپلىنىپ پىكىرلىشىش، ئولتۇرۇشلۇق يېزا-بازارلاردىن ئۆزىچىلا كېتىپ قېلىش قاتارلىقلارنى مەنئى قىلىش. ئۈچىنچى، «كاتولىك دىنى»نى قاتتىق مەنئى قىلىش؛ تۆتىنچى، چەت ئەللىكلەرگە قالايمىقان زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنى جازالاش؛ بەشىنچى، ئوتتۇرا تەبىقىدىكىلەر ۋە ئاۋام خەلقىنىڭ ئۆز يۇرتىدىن خالىغانچە كېتىپ قېلىشىنى مەنئى قىلىش. ئالدىنقى ئۈچ ماددا مەڭگۈلۈك تەھقىقلەش پەرمانى بولۇپ، «بېكىتىلگەن ئۈچ ماددا» دەپ ئاتىلىپ، مىيجى ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. كېيىنكى ئىككى ماددا«ئاڭلىق ماددا» دېيىلىپ، مىيجى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاقىتلىق خاراكتېردىكى تەدبىرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. 

بەش كىچىك پايتەخت

  • بەش كىچىك پايتەخت[يەشمىسى:]چاۋشيەن سىللا دەۋرىدىكى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ئايرىمىسى. مۇھىم جايلاردا پايتەخت تەسىس قىلىنغان. كىچىك پايتەخت دەپمۇ ئاتالغان. مىلادى 557-يىلى جىڭ شىڭ خان گويۈەننى پايتەخت قىلىشقا باشلاپ شىڭ ۋىن خان (681 — 292-يىللىرى پادىشاھلىق قىلغان) دەۋرىدىكى توققۇز ئايماق تەسىس قىلىنغان ۋاقىتقا كەلگەندە بەش جايدا كىچىك پايتەخت بېكىتىلگەن. پايتەخت قارىمىقىدا ناھىيە بولماي بىۋاسىتىلا يېزىلارنى باشقۇرغان. يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئاقسۆڭەكلەر ئىچىدىن ئايماق باشلىقىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان مەمۇرىي باشلىق تەيىنلەنگەن.

بەش ماددىلىق ئەھدىنامە

  • بەش ماددىلىق ئەھدىنامە[يەشمىسى:]ياپونىيە مىيجى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق دۆلەت سىياسىي فاڭجېنى. ئىسلاھاتچى ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، 1868-يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنى تېننو مىيجى كىيوتودىكى موراساكى سارىيىدا ئېلان قىلغان، مەزمۇنى: 1. كېڭەشلەرنى كەڭ يولغا قويۇپ، تۈرلۈك مۇھىم ئىشلارنى جامائەت پىكرى بويىچە قارار قىلىش؛ 2. يۇقىرى-تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇپ پىلان بىلەن ئىش قىلىشنى ئومۇملاشتۇرۇش. 3. ھۆكۈمەت بىلەن ھەربىي بىر يولدا بولۇپ، ئاۋام خەلقتىن تارتىپ ھەممىسى ئۆز ئىرادىسىنى ئاشۇرۇش، كىشىلەر رايىنى قايتۇرماسلىق؛ 4. كونا، ئوسال ئادەتلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، جاھاندىكى ئادىللىققا ئاساسەن ئىش قىلىش؛ 5. دۇنيادىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىش، خان ئاساسىنى جانلاندۇرۇش. يۇرى كىممىماسا (ئېچىزېن ۋاسسالى)يازغان، (فۇكۇئاكاتاكاچىكاتو ۋاسسالى) تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، كىدوتاكايوشى (ناگاسۇ ۋاسسالى) بېكىتكەن. بۇنىڭدىكى «كېڭەشلەرنى كەڭ يولغا قويۇپ» دېگىنى بەگ-كىنەزلەردىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ؛ «پىلان بىلەن ئىش قىلىشنى ئومۇملاشتۇرۇش» دېگىنى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ؛ «كونا، ئوسال ئادەتلەرنى بۇزۇپ تاشلاش» دېگىنى چەت ئەلنىڭكىنى يەكلەش ئىدىيىسىدىن ۋاز كېچىپ، چەت ئەللەر بىلەن بېرىش-كېلىشنى كۈچەيتىشنى كۆرسىتىدۇ؛ «دۇنيادىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىش»نى غەربتىكى ئىلغار كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىن ئۆگىنىش، يېقىنقى زامان كاپىتالىستىك مەدەنىيەت بىلىملەرنى كىرگۈزۈش دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇ ئەھدىنامە، ئىلغار ئەھمىيەتكە ئىگە، لېكىن يېقىنقى زاماندىكى ئاساسىي قانۇنلۇق ئىدىيىلەرگە پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدۇ. 

بەشىنچى كولوننا

  • بەشىنچى كولوننا[يەشمىسى:]1936 — 1939-يىللاردىكى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئارقا سەپكە يوشۇرۇنۇۋالغان، جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىگە قارشى جاسۇسلار، خائىنلار قاتارلىق ساتقۇنلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىلىشى. 1936-يىلى 10-ئايدا، ئىسپانىيە توپىلاڭچى قوشۇنى گېرمانىيە، ئىتالىيىنىڭ مۇداخىلىچى قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ مادرېدقا ھۇجۇم قىلغاندا، توپىلاڭچى قوشۇننىڭ گېنېرالى مولا (Emilio Mola، 1887 — 1937) رادىئودا سۆزلەپ، ھازىر تۆت كولوننا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، يەنە بىر كولوننا مادرېدتا ساقلاۋاتىدۇ، دەپ جار سالغان. كېيىنچە، «بەشىنچى كولوننا» جاھانگىرلىك باشقا دۆلەتلەردە سېتىۋالغان خائىنلار ۋە كىرگۈزگەن جاسۇسلارنىڭ ئومۇمىي نامىغا ئايلىنىپ كەتكەن.

بەش ياساۋۇل باش مەھكىمىسى

  • بەش ياساۋۇل باش مەھكىمىسى[يەشمىسى:] چاۋشيەن لى خاندانلىقىنىڭ لەشكىرىي ئىشلار ئورگىنى. لى خاندانلىقىنىڭ لەشكەر تۈزۈلمىسىدە مەركەزدە يېشىڭ ياساۋۇلى، لۇڭشياڭ ياساۋۇلى، خۇبېن ياساۋۇلى، جۇڭزۇ ياساۋۇلى، جۇڭۋۇ ياساۋۇلى قاتارلىق بەش ياساۋۇل تەسىس قىلىنغان. ۋىلايەتلەردىن لەشكەرلىككە ئادەم ئېلىپ، ئايرىم-ئايرىم بەش ياساۋۇلغا كىرگۈزۈلۈپ، نۆۋەت بىلەن پايتەختكە كىرىپ مۇھاپىزەت قىلغان. بۇ مەھكىمە 1467-يىلى (شىزۇڭ 13-يىلى) قۇرۇلۇپ، لەشكەر مەھكىمىسىنىڭ قوماندانلىقىدا، لەشكىرىي ئىشلارنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرغان. لى خاندانلىقىنىڭ ئىككى نۆۋىتىدە ھەربىي ھوقۇقنى مۈلكىي ئەمەلدارلار تۇتقان، مەزكۇر مەھكىمىدىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە كۆپىنچە مۈلكىي ئەمەلدارلار تەيىنلىنىپ، ھەربىي ئەمەلدارلار ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، بۇ لى خاندانلىقى تۈزۈلمىسىنىڭ چوڭ بىر ئالاھىدىلىكى. 

بەش يۈز كىشىلىك يىغىن

  • بەش يۈز كىشىلىك يىغىن[يەشمىسى:] قەدىمكى ئافىنا دۆلىتىنىڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنى، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا كىلېيىستىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن. يېڭىدىن بېكىتىلگەن ئون قەبىلە چەك تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوتتۇز ياشقا تولغان گراژدانلاردىن ھەرقايسىسى 50 تىن ۋەكىل سايلاپ تەشكىللىنىپ، بۇرۇنقى «تۆت يۈز كىشىلىك يىغىن» (سولۇن دەۋرىدە تەسىس قىلىنغان)نىڭ ئورنىغا ئالماشقان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى پىرىكلېس دەۋرىدە، گراژدانلار قۇرۇلتىيىغا يىغىن كۈنتەرتىپى تەييارلاش ھەمدە ئۇنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىشتىن باشقا دائىمىي خاراكتېرلىك مالىيە، ھەربىي ئىشلار، دىپلوماتىيە ئىشلىرى قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئالىي ھوقۇققا ئىگە بولغان؛ چەت ئەللەرگە قارىتا دۆلەتكە ۋەكىل بولۇپ، چەت ئەل ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلغان، ئەمەلىيەتتە ئافىنا ھۆكۈمىتىگە باراۋەر تۇرغان. ئادەتتە قەبىلىلەر بويىچە ئون گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، «رەئىس ھەيئىتى» دەپ ئاتالغان. ھەربىر «رەئىس ھەيئىتى» نىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىر يىلنىڭ ئوندىن بىرى قىلىپ بېكىتىلگەن. «بەش يۈز كىشىلىك يىغىن» ئافىنا دېموكراتىك ھاكىمىيەت تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

بەگلىك بېگى

  • بەگلىك بېگى[يەشمىسى:] ياپونىيە تايۋا خاندانلىقىنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئەمەلدارى. تايكا يېڭىلىقى دەۋرىدە كونا ئاقسۆڭەكلەرنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن، مەركەزدىكى ئاقسۆڭەكلەر ئىچىدىن ھەرقايسى بەگلىك (ناھىيىگە توغرا كېلىدۇ) لەردە دائىم تۇرۇشقا تاللاپ ئەۋەتىلگەن ئەمەلدارلار. تايخو پەرمانى بويىچە بەگلىكلەر چوڭ، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەپ تۆت دەرىجىگە ئايرىلغان، بەگلىك بېگىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا چوڭ، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەپ تۆت دەرىجىگە ئايرىلغان. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى دەسلەپتە ئالتە يىل بولغان، كېيىن تۆت يىلغا ئۆزگەرتىلگەن. ۋەزىپە ھەم يەر بۆلۈپ بېرىلگەن. Ⅶئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇميۈزلۈك تەسىس قىلىنغان. پەرمان تۈزۈمىنىڭ پەسكارىغا چۈشۈپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، ئىمتىيازلىق بەگلىك بېگى، شتات سىرتىدىكى بەگلىك بېگى ۋە يىراق جايلاردىكى بەگلىك بېگى مەيدانغا كەلگەن. خېيئان دەۋرىگە كەلگەندە يىراق جايلاردىكى بەگلىك بېگى تېخىمۇ كۆپەيگەن. كاماكۇرا دەۋرىدە ياساۋۇل بېگى ۋە يەر خوجىسى (زېمىندار) تەسىس قىلىنغان، بەگلىك بېگىنىڭ قۇرۇق نامىلا قېپقالغان. مۇروماچى دەۋرىدە بەگلىك بېگى ياساۋۇل بېگىگە ئۆزگەرتىلگەن. يېغىلىق دەۋرىدىن كېيىن فېئودال خوجىلار دائىم ئۆزىنى بەگلىك بېگى دەپ ئاتىغان. بەگلىك بېگى تاكى مىيجى يېڭىلىقىغىچە داۋاملاشقان.

بەلازۇرى

  • بەلازۇرى[يەشمىسى:]Baladhurial، تەخمىنەن 820 — 892) ئەرەب تارىخچىسى. پېرسىيىلىك. باغدادتا ئۇزۇن زامان تۇرغان ھەمدە سۈرىيە قاتارلىق جايلاردا ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. «كىتاب فۇتۇھۇل بۇلدان» (ئەللەرنى بويسۇندۇرۇش) ۋە «كىتاب ئەنسابۇل ئەشرەف» (ئاتاقلىق كىشىلەر نەسەبلىرى) دېگەن ئەسەرلەرنى يازغان. ئالدىنقى كىتابتا ئەرەبلەرنىڭ دەسلەپكى دەۋرلەردىكى بويسۇندۇرۇش-كېڭەيمىچىلىك پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، خەلىپىلىكلەرنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە توختالغان. كېيىنكى كىتابىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ ئەھۋالى، شۇنىڭدەك ئۇمەييە خاندانلىقىنىڭ تارىخى خاتىرىلەنگەن، خاۋارىجلار ھەرىكىتىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرگەن.

بەلخ

  • بەلخ[يەشمىسى:]Balkh) ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى شەھەر. ئورنى بۈگۈنكى ئامۇ دەرياسى يۇقىرى ئېقىنىدا بولۇپ، بۈگۈنكى ئافغانىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بەلخ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ، Ⅱ ئەسىرلەردە باكتىرىيىنىڭ پايتەختى بولغان. يەنى باكتىرا (Bactra)، «تارىخىي خاتىرىلەر» دە بەلخ (蓝市城) دەپ خاتىرىلەنگەن. ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىن بىلىنىشىچە، قەدىمكى شەھەرنىڭ ئىقتىسادى گۈللەنگەن بولۇپ، قول سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ تېخنىكىسى يۇقىرى؛ شەھەر قۇرۇلۇشىمۇ پىلانلىق بولغان (شەھەر سېپىللىرى كەڭ بولغان) بولۇپ، ئىگىلىگەن كۆلىمى 16 كۋادرات كىلومېترغا يېتىدۇ.

بەھمەن خاندانلىقى

  • بەھمەن خاندانلىقى[يەشمىسى:] «بەھمەنىيلەر خاندانلىقى»غا قاراڭ.

بەھمەنىيلەر خاندانلىقى

  • بەھمەنىيلەر خاندانلىقى[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئەسىردە ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قۇرۇلغان ئىسلام بەگلىكى. 1347-يىلى ئافغانلار (يەنە بىر رىۋايەتتە تۈركلەر دېيىلىدۇ) دىن ھاسان (Hasan) قۇرغان. ئۇ ئۆز ئەجدادىنى ئىران پادىشاھى بەھمەن (Bahman) دەۋالغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. پايتەختى دەسلەپتە گۇلبارگا (Gulbarga) دا بولۇپ، 1424-يىلى بىدار (Bidar) غا يۆتكىگەن. ئۇزۇن مۇددەت ۋىژاياناگار بەگلىكى بىلەن قارشىلاشقان. خاندانلىق گۈللەنگەن ۋاقىتتا زېمىنى ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شەرق ۋە غەربتە دېڭىزغا تۇتاشقان. كېيىن ئىچكى قىسىمدىن بۆلۈنۈپ، دۆلەت كۈچى كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلىشىپ، ئاستا-ئاستا كىچىك بەش شتاتقا بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1526-يىلى يوقالغان. 

بەيئەت قىلىش مۇراسىمى

  • بەيئەت قىلىش مۇراسىمى[يەشمىسى:] «ئۆزىنى بېغىشلاش مۇراسىمى»غا قاراڭ.

بەيتۇللا

  • بەيتۇللا[يەشمىسى:]Allah- Bait) كەئبىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى.

بەيتېڭجياڭ جېڭى

  • بەيتېڭجياڭ جېڭى[يەشمىسى:]ۋيېتنام بىلەن جۇڭگو فېئودال سۇلالىلىرىنىڭ ۋيېتنامدىكى بەيتېڭجياڭ دەرياسىدا قىلغان ئۇرۇشلىرى. جەمئىي ئۈچ قېتىم بولغان. مىلادى 938-يىلى ۋيېتنام خانى ۋۇچۇەن جۇڭگونىڭ جەنۇبىي خەن قوشۇنىنى يەڭگەن. 981-يىلى ۋيېتنام خانى لى خۇەن جۇڭگونىڭ سۇڭ سۇلالىسى قوشۇنىنى يەڭگەن. 1288-يىلى ۋيېتنام سەركەردىسى چېڭ گوچۈن جۇڭگو يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئۆمەر باشچىلىقىدىكى سۇ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ ئۇرۇشلارنىڭ ھەر قېتىملىقىدا ۋيېتنام قوشۇنلىرى بەيتېڭجياڭ دەرياسى سۇ يۈزىنىڭ دولقۇن سۈيىگە ئەگىشىپ كۆتۈرۈلۈش-چۈشۈشى ۋە دەريادا يوشۇرۇن خادا تاشلار بولۇشتەك ئەۋزەل شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، تۆمۈر، ئۇچلۇق ياغاچ قوزۇقلارنى سۇ تېگىگە يوشۇرۇن قېقىپ ئالداپ ئىچكىرىلىتىش، بۆكتۈرمە قويۇپ زەربە بېرىشتەك ۋاسىتىلەرنى قوللانغان.

برادلېي

  • برادلېي[يەشمىسى:]Omar Nelson Bradley، 1893 — 1981)ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرال پولكوۋنىكى. ۋېست پوئېنت ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ھەمدە ئۇزۇن مۇددەت ۋېست پوئېنت ھەربىي مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدە ئىككىنچى جۈنتۇەننىڭ قوماندانى بولغان. 1943-يىلى شىمالىي ئافرىقا جېڭىگە ۋە سىتسىلىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1944-يىلى ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى ئارمىيىسىنى باشلاپ نورماندىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن يەنە 12-جۈنتۇەننى باشلاپ فرانسىيە، بېلگىيە، ليۇكسېمبۇرگ، گوللاندىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشلارغا قاتناشقان. 1945 — 1947-يىللىرى ئامېرىكا ھەربىي سەپتىن قايتقان ھەربىيلەر ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1948-يىلى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1949 — 1953-يىللىرى شتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رەئىسى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى (1950-يىلى ئىستېپا بېرىپ يەنىلا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىلى) بولغان. ۋەزىپىدە تۇرۇۋاتقان مەزگىل ئىچىدە، چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى پائال پىلانلىغان، كېيىن، ئامېرىكىنىڭ «نامۇۋاپىق ئورۇندا، نامۇۋاپىق ۋاقىتتا، نامۇۋاپىق رەقىپ بىلەن خاتا ئۇرۇش قىلغان» لىقىنى ئېتىراپ قىلغان. 1953-يىلى خىزمەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن سودىگەرچىلىك قىلغان. ئۇنىڭ «جەڭچىلەرنىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

براززا

  • براززا[يەشمىسى:]Pierre Paul Francois Gamille Savorgnan de Brazza، 1852 — 1905) فرانسىيىلىك مۇستەملىكىچى، ئېكسپېدىتسىيىچى. ئىتالىيىدە تۇغۇلغان. كېيىن فرانسىيىگە ئوقۇشقا بارغان، 1874-يىلى فرانسىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن ھەمدە دېڭىز ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1875-يىلى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئافرىقىدىكى ئوگوئۇۋ (Ogooue) دەرياسىنى كېزىپ تەكشۈرۈشكە بارغان. 1879-يىلى ئافرىقىغا قايتا بېرىپ، ئوگوئۇۋ دەرياسىنى بويلاپ كونگوغا كىرگەن، ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىنى ئىشلىتىپ، يەرلىك باتېكلارنىڭ ئاقساقىلى ماكوكو (Makoko) نى شەرتنامە ئىمزالاشقا كۆندۈرۈپ، مەزكۇر رايوننىڭ «قوغداش ھوقۇقى» نى قولغا كەلتۈرۈپ، براززاۋىللېنى مۇستەملىكە بازىسى قىلىپ قۇرۇپ، سىتېنلى بىلەن كونگو دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنى مۇستەملىكە قىلىشنى تالىشىش كۈرىشىنى ئېلىپ بارغان. 1883-يىلى ئافرىقىغا يەنە بېرىپ، فرانسىيىگە قارام كونگو (بۈگۈنكى كونگو خەلق جۇمھۇرىيىتىنى) قۇرغان. 1886 — 1898-يىللىرى مەزكۇر رايوننىڭ ئەڭ ئالىي ۋالىيسى بولۇپ، دەھشەتلىك مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزگەن.

برازىلىيە ئىمپېرىيىسى

  • برازىلىيە ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:]1822-يىلى برازىلىيە پورتۇگالىيىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان ئىمپېرىيە. ئىلگىرى-ئاخىر پېدرو Ⅰ ۋە پېدرو Ⅱ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. سىياسىي تۈزۈلمىسى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىمپېرىيە يەنىلا كەڭ كۆلەمدە قۇللار ئەمگىكىدىن پايدىلىنىپ، ئاساسەن قەھۋە ئىشلەپ چىقارغان، 50-يىللاردىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا ھەر خىل سانائەت، تۆمۈريول ۋە بانكىلار قۇرۇلغان. ئىچكى جەھەتتە 1824 — 1830-يىللىرى بائىيە ئۆلكىسىدە پارتلىغان قۇللار قوزغىلىڭى بىلەن 1831-،1837-يىللىرى رىئو-دې-ژانېيرودا قانات يايغان جۇمھۇرىيەتچىلەر ھەرىكىتىنى دەھشەتلىك باستۇرغان. سىرتقا قارىتا ئارگېنتىنا ۋە ئۇراگۋاي بىلەن بىرلىشىپ، پاراگۋاينى بۆلۈشۈۋېلىشتەك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. خەلق ئۈزۈلدۈرمەي قارشى تۇرغاچقا، ئىمپېرىيىنىڭ ئاساسى تەۋرىنىپ قالغان. 1831-يىلىدىكى قوزغىلاڭ پېدرو Ⅰ نى تەختنى بوشىتىشقا مەجبۇر قىلغان. 1883-يىلى قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ، 1888-يىلى قۇللۇق تۈزۈمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلانغان. 1889-يىلى سان-پاۋلو قاتارلىق جايلاردا جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى قۇرۇلغان، شۇ يىلى 11-ئايدا پېدرو Ⅱ گە قارشى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، ئىمپېرىيە ئاغدۇرۇلۇپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى برازىلىيىدە ئورنىتىلغان.

برازىلىيىدىكى گېنېرالغا قاراشلىق رايون

  • برازىلىيىدىكى گېنېرالغا قاراشلىق رايون[يەشمىسى:]ⅩⅥ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا پورتۇگالىيىنىڭ برازىلىيىدە قۇرغان مۇستەملىكە رايونى. 1534-يىلى، پورتۇگالىيە كورۇلى ژوروⅢ برازىلىيىنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىنى ئون نەچچە «گېنېرالغا قارام رايون» غا (Capitanias) بۆلۈپ، «زېمىن ئىگىسى» (Donatarios) دەپ ئاتالغان پورتۇگالىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ سۇيۇرغال يېرى قىلىپ ئىنئام قىلغان. ئەمما يەنىلا پادىشاھلىق مۈلۈك بولغاچقا، پادىشاھقا ئولپان تاپشۇرغان. زېمىن ئىگىلىرى قارام رايون ئىچىدە مەمۇرىي ئورگان قۇرۇشقا، سوت تەسىس قىلىشقا، باج ئېلىش ۋە ئىندىئانلارنى سېتىشقا ھوقۇقلۇق بولغان. ھەق تەلەپ ئىشلىرى، جىنايى ئىشلار ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە كەڭ كۆلەملىك ھوقۇققا ئىگە بولغان. 1549-يىلى، فرانسىيىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مۇستەملىكىلەرگە قارىتا تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، پورتۇگالىيە كورۇلى برازىلىيىدە باش ۋالىي تەسىس قىلغان. زېمىن ئىگىسىنىڭ ھوقۇقى چەكلىمىگە ئۇچراپ، گېنېرالغا قارام رايونلار ئاستا-ئاستا مەمۇرىي ئورۇنلارغا ئايلىنىپ قالغان.

براگا

  • براگا[يەشمىسى:]Teofilo Braga، 1843 — 1924) پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى (1915)، ئەدەبىي تارىخشۇناس، يازغۇچى ھەم پوزىتىۋىزملىق پەيلاسوپ. كوئىمبرا داشۆسىنىڭ قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. جۇمھۇرىيەت ھەرىكىتىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى بولغان. پورتۇگالىيىنىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، 1910 — 1911-يىللىرى جۇمھۇرىيەتنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت باشلىقى بولغان. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ⅩⅨ ئەسىر فرانسىيە ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، خەلق ئاممىسىغا ھېسداشلىق قىلغان. مۇھىم ئەسەرلىرىدىن: «بوكاگې، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئەدەبىي پائالىيىتى»، «پورتۇگالىيە ئەدەبىيات تارىخى»، «پورتۇگالىيە رومانتىزم تارىخى»، «كاررېن ۋە ئۇنىڭ رومانتىزملىق درامىلىرى» قاتارلىقلار بار.

براگانسا خاندانلىقى

  • براگانسا خاندانلىقى[يەشمىسى:] 1640 — 1910-يىللىرى پورتۇگالىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان خاندانلىق. بۇ نام پورتۇگالىيىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى براگانسا (Braganza)شەھىرىنىڭ نامىدىن كەلگەن.1442-يىلى پورتۇگالىيە كورۇلى ژوئاۋⅠ(JoaoⅠ، 1357 — 1433) نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسى ئالفونسۇ (1461) نى براگانسا گېرتسوگى قىلىپ تەيىنلىگەن. 1640-يىلى پورتۇگالىيە ئىسپانىيىدىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن براگانسانىڭ سەككىزىنچى گېرتسوگى ژورئاۋⅡ پورتۇگالىيىنىڭ كورۇلى بولۇپ، ژورئاۋ Ⅳ دەپ ئاتالغان. شۇنىڭ بىلەن براگانسا خاندانلىقى باشلانغان. 1853-يىلى، كورۇلىۋا مارىيە Ⅱ ئۆلگەن چاغدا ئۇنىڭ ئوغلى پېدرو Ⅴ (PedroⅤ، 1837 — 1861) تېخى بالاغەتكە يەتمىگەنلىكتىن، ئاتىسى ساكسېن-كوبۇرگ فېردىناند (Ferdinadvon Sachsen Coburg، 1816 — 1885) نائىبلىق قىلىپ، خاندانلىقنىڭ نامىنى براگانسا-كوبۇرگ دەپ ئۆزگەرتكەن. 1910-يىلى پورتۇگالىيىدە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇپ خاندانلىق ئاخىرلاشقان. برازىلىيىدە 1822-يىلىدىكى مۇستەقىللىكتىن 1889-يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغىچە براگانسا خاندانلىقىدىكى ئاتا-بالا پېدرولار ئىلگىرى-كېيىن پادىشاھلىق تەختىنى ئىگىلەپ تۇرغان. 

براككې

  • براككې[يەشمىسى:]Wilhelm Bracke، 1842 — 1880) گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەربابى. 1865-يىلى پۈتۈن گېرمانىيە ئىشچىلار بىرلەشمىسىگە قاتنىشىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي لاسسالچىلار بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، گېرمانىيە سوتسىيال-دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنى (ئېيزېناخچىلار) قۇرغان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان. پرۇسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن 1871-يىلى قولغا ئېلىنىپ قامالغان. 1873-يىلى «لاسسالنىڭ تەكلىپى» دېگەن كىتابچىسىنى ئېلان قىلىپ، لاسسالچىلىقنى توغرا، ئەمما ئۈزۈل-كېسىل بولمىغان ھالدا تەنقىد قىلغان. 1875-يىلى ماركس، ئېنگېلسنىڭ «گوتا پروگراممىسى» لايىھىسىگە بەرگەن تەنقىدىنى قوللىغان ھەمدە پارتىيە ئىچىدىكى ئاغمىچىلارغا قارشى كۈرەش قىلغان. لېكىن قەتئىي بولمىغان. 1877 — 1879-يىللىرى سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى بلوكىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.

برانتىڭ

  • برانتىڭ[يەشمىسى:]Karl Kjahmar Branting، 1860 — 1925)شۋېتسىيىنىڭ باش ۋەزىرى(1920، 1921 — 1923،1924— 1925)، شۋېتسىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى. 1882-يىلى ئوپسالا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. دەسلىپىدە ستۇكھولم رەسەتخانىسىدا خىزمەت قىلغان، كېيىن ئۇزۇن مەزگىل پارتىيە ژۇرنىلى «سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى» نىڭ تەھرىرى بولغان. 1897-يىلدىن ئېتىبارەن پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1917 — 1918-يىللىرى مالىيە ۋەزىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە شۋېتسىيىنىڭ بىتەرەپ تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان، لېكىن ئانتانتا دۆلەتلەرگە يان باسقان. يەنە شۋېتسىيىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقتا تۇرۇشلۇق تۇنجى ۋەكىلى، خەلقئارا ئىتتىپاق كېڭەش ئەزاسى، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى بولغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلىدە بەزى ئىجتىمائىي ئىسلاھات ۋە پاراۋانلىق تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزگەن. ئاۋېنانما تاقىم ئارىلىنى بىتەرەپ قىلىش ئارقىلىق فىنلاندىيە بىلەن بولغان مەزكۇر ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشنى ئاياغلاشتۇرغان. 1921-يىلى لانگې بىلەن بىرلىكتە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

برانكوۋىچ

  • برانكوۋىچ[يەشمىسى:]Djordje Brancovic، 1645 — 1711)سېربىيىنىڭ سىياسىي ئەربابى، تارىخشۇناس. 1675 — 1677)يىللىرى ترانسىلۋانىيە كىنەزىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان. كېيىن ۋالاخىيە كىنەزلىكىدە خىزمەت قىلغان. ۋالاخىيىنىڭ ئاۋسترىيە بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 1683 — 1699-يىللاردىكى ئاۋسترىيىنىڭ تۈركىيىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئاۋسترىيىنىڭ قوللىشى بىلەن بالقاندىكى بۈيۈك سلاۋيان دۆلىتى — ئىللىرىيە پادىشاھلىقىنى قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1688-يىلى ھابىسبۇرگ خاندانلىقى تەرىپىدىن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى گرافى دېگەن ئۇنۋان بېرىلگەن. خەلقنى تۈركىيىنىڭ زۇلۇمغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىرىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاۋسترىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۆمۈرلۈك نەزەربەند قىلىنغان. تۈرمىدە سېربىيە ھەم ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ تارىخىنى بايان قىلىدىغان سېربىيە سلاۋيان يىلنامىسىنى تۈزۈپ چىققان.

براندېس

  • براندېس[يەشمىسى:]Georg Morris Colen Brandes، 1842 — 1927) دانىيىلىك ئەدەبىي تەنقىدچى. يەھۇدىي سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1864-يىلى كوپىنھاگىن داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بېرىپ ئۆگەنگەن. گېزىت-ژۇرنال مۇخبىرى ۋە تەھرىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1902-يىلى كوپىنھاگىن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ماداراچىلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق گېگېل، فېييېرباخ، مىل ۋە تېيىئىن قاتارلىقلارنىڭ ئېستېتىكا پرىنسىپىنى بىرلەشتۈرگەن. دەلىلچىلىك ئېستېتىكىسىنىڭ ۋەكىلى. 1871 — 1890-يىللىرى 6 توملۇق «ⅩⅨ ئەسىر ئەدەبىياتىدىكى ئاساسلىق ئېقىم» دېگەن كىتابىنى يېزىپ چىقىپ، ياۋروپانىڭ رومانتىزملىق ئەدەبىياتىغا باھا بېرىپ، يۇرتۋازلىق ۋە ئۇچىغا چىققان مۇتەئەسسىپلىككە قارشى چىقىپ، غايەت زور تەسىر پەيدا قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شېكىسپىر، گېيتى، ۋولتېر، كائېسار ۋە مىكىلانجىلو قاتارلىق شەخسلەر توغرىسىدا يازغان كىتابلىرىمۇ خېلى كۆپ. 

براندېنبۇرگ بەگلىكى

  • براندېنبۇرگ بەگلىكى[يەشمىسى:] 1150-يىلى گېرمانىيىدىكى چوڭ فېئودال ئالبىرېخت شىمالىي ماركنى مەركەز قىلىپ قۇرغان بەگلىك. ھۆكۈمرانى مارك گراف دەپ ئاتالغان. براندېنبۇرگ دېگەن ئىسىم يەرلىك غەربىي سىلاۋىيانلارنىڭ بىر شەھىرى براسنبور (Baranibor) دىن كېلىپ چىققان. 1356-يىلىدىكى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ ئېلان قىلغان «ئالتۇن مۆھۈرلۈك يارلىق» قا ئاساسەن، براندېنبۇرگ مارك گرافى ئىمپېرىيىدىكى يەتتە چوڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى كىنەزنىڭ بىرى دەپ قارالغان. 1415-يىلىدىن باشلاپ خوخېنزوللېرن جەمەتى ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. 1486-يىلى بېرلىننى بەگلىكنىڭ پايتەختى قىلغان. 1614-يىلى «ۋارىسلىق كېلىشىمى» گە ئاساسەن، رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى مارك(Mark)، كلېۋې (Kleve) ۋە راۋېنسبۇرگ (Ravensburg)قاتارلىق جايلارغا ئىگە بولغان. 1618-يىلى پرۇسىيە كىنەزلىكىگە قوشۇلۇپ براندېنبۇرگ-پرۇسىيە دۆلىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن؛ 1701-يىلى نامى پرۇسىيە پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرگەن.

براخما

  • براخما[يەشمىسى:]Brahma) قەدىمكى ھىندىستاندىكى براخمان دىنىنىڭ ئالىي ئىلاھى. «ۋېدا» رىۋايەتلىرىدە ئالەمنى ياراتقۇچى كۈچ، كائىناتنىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ. براخمان دىنى ئالەمدىكى بارلىق ھادىسىلەر خىيالىي بولىدۇ. پەقەت براخما (دۇنيا روھى) چىن مەۋجۇت بولىدۇ، دېگەننى تەرغىپ قىلغان. براخما ھىندى دىنىدىكى ئۈچ چوڭ ئىلاھنىڭ بىرى بولۇپ، ۋىسنۇ (Visnu) ۋە سىۋا (siva) بىلەن «ئۈچى بىر گەۋدە» دەپ قارىلىدۇ.

براخمان

  • براخمان[يەشمىسى:] سانسكرىتچە Brahmana نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، مەنىسى «ساپ ئادەم». قەدىمكى ھىندىستاننىڭ كاھىنلار تەبىقىسى. ئۆزىنى «بۇددانىڭ ئاغزىدىن تۇغۇلغان» دەپ ئاتىۋالغان، تۆت تائىپە (ۋارنا) نىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. كاھىنلىق چوڭ ھوقۇقىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىگىلەپ، بىلىمنى مونوپول قىلىپ، ۋېدا كالامىنى قىرائەت قىلىش ۋە دىن (براخمان دىنى) تارقىتىشنى كەسىپ قىلغان. ئاز ساندىكى براخمانلار سىياسىي جەھەتتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولغان. «مانۇ قانۇنى» دا براخمانلار «ۋېدانى ئۆگىتىدۇ ۋە ئۆگىنىدۇ، ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن نەزىر-چىراغ قىلىدۇ ھەمدە ۋەز-نەسىھەت قىلىدۇ، خەير-ساخاۋەت قىلىنغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ئەمەلىيەتتە ئۇلار جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى ھارامتاماقلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. براخمانلار تائىپىسى ئىچىدە تۇرمۇشنىڭ نامراتلىقى تۈپەيلىدىن تۆۋەن تائىپىدىكىلەرنىڭ كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ براخمانلىق سالاھىيىتى ئۆزگەرمىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگودا شەرقىي خەن سۇلالىسىدىن كېيىن ھىندىستاننى «براخمان» دەپ ئاتىغان، ئۇنىڭ مەنىسى «براخمانلار دۆلىتى» دېگەنلىك بولىدۇ.

براخماناس

  • براخماناس[يەشمىسى:]Brahmanas) قەدىمكى ھىندىستان براخمان دىنىنىڭ دەستۇرى. «ۋېدا» ئەدەبىياتىنىڭ بىر قىسمى، نەسرىي شەكلىدە يېزىلغان، ئاساسەن براخمان دىنىنىڭ نەزىر-چىراغ قائىدىلىرى چۈشەندۈرۈلگەن، شۇنداقلا ئۇ تىلشۇناسلىقتىكى مۇھىم ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. براخماناسلار «ۋېدا» توپلاملىرىنىڭ داۋامى بولۇپ، «ۋېدا» نىڭ ھەرقايسى تۈرلىرىگە مەنسۇپ، مەسىلەن، «رىگۋېدا» غا مەنسۇپ بولغان «ئېدلو براخماناس»، «خېلو براخماناس»، «ساماۋېدا» غا مەنسۇپ بولغان «25 چوڭ براخماناس»، «ياروۋېدا» غا مەنسۇپ بولغان«بەيداۋ براخماناس» ۋە «جىگۇ براخماناس»، «ئاتارۋاۋېدا» غا مەنسۇپ بولغان «نيۇداۋ براخماناس» قاتارلىقلار.

براخمان جەمئىيىتى

  • براخمان جەمئىيىتى[يەشمىسى:] براخمان دىنىي جەمئىيىتى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ، ھىندىستاندىكى دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات تەشكىلاتى. 1828-يىلى راي تەرىپىدىن كالكۇتتادا تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭغا قاتناشقۇچىلارنىڭ تولىسى بېنگال زىيالىيلىرى ۋە ياش ئوقۇغۇچىلار. ئۇنىڭ مەقسىتى ھىندى دىنىنى ئىسلاھ قىلىش، بىر خۇدالىق دىننى تەشۋىق قىلىش، بۇتقا ئىبادەت قىلىشقا قارشى تۇرۇش، تۇل خوتۇنلارنىڭ قايتا ئۆيلۈك بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىش، بالىلارنىڭ نىكاھلىنىشىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇ ھىندىستاندا ياۋروپاچە مائارىپ ۋە ئىلىم-پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى، سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ ⅩⅨ ئەسىردىكى ھىندىستاننىڭ ئىجتىمائىي ۋە دىنىي ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرگەن، يېڭى بېنگال زىيالىيلار قاتلىمىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. 1833-يىلى راي ئۆلگەندىن كېيىن، دۋاركانات تاگورې براخمان جەمئىيىتىنىڭ يولباشچىسى بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا بۆلۈنۇش پەيدا بولۇپ، كېشاب چاندرا سېن (Keshab Chandra Sen، 1838 — 1884) باشچىلىقىدىكى رادىكاللار ئۆزىنى ھىندىستان براخمان جەمئىيىتى دەپ ئاتاپ، ھىندى دىنىنىڭ ئاساسىدىن ئايرىلىپ، خرىستىئان دىنىنىڭ كۆزقارىشىنى قوبۇل قىلىپ، تائىپە تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ، تائىپىلەر ئارا نىكاھلىنىشنى قۇۋۋەتلىگەن، ئاياللار مائارىپىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە باشقىلار. دۋاركانات تاگورې باشچىلىقىدىكى مۇتەئەسسىپلەر ئۆزىنى «ھەقىقىي براخمان جەمئىيىتى» دەپ ئاتاپ، ياۋروپا مەدەنىيىتىگە چوقۇنۇشقا قارشى تۇرغان، ھىندى دىنىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قېلىشنى قۇۋۋەتلەپ، سىياسىي كۈرەشكە ئاكتىپ قاتناشمىغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھەر ئىككى گۇرۇھ ئاستا-ئاستا يوقالغان. 

براخمان دىنى

  • براخمان دىنى[يەشمىسى:] قەدىمكى ھىندىستاننىڭ دىنى. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅦ ئەسىردە، ھىندى-ئارىيانلار دۆلىتى شەكىللىنىش جەريانىدا پەيدا بولغان. براخمان كاھىنلار سىنىپى ھىندى-ئارىيانلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادىنى رەتلەپ، ئۇنى «ۋېدا» نى ئۆزىنىڭ كالامى قىلغان بىر دىنىي سىستېمىغا ئايلاندۇرغان. بۇ دىندا ئەڭ ئالىي ئىلاھ — براخما(Brahma، دۇنيانىڭ روھى) بولۇپ، يەنە ۋىسنا ۋە سىۋا دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى باش ئىلاھ بار، بۇ ئۈچەيلەن ئالەمنىڭ يارىتىلىشى، ساقلىنىشى ۋە يوقىلىشىغا ۋەكىللىك قىلغان. ئۇ ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ سەۋەب-نەتىجىسى بولىدۇ، ئادەم قايتا تۇغۇلىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ئىلاھلار ئۈچۈن نەزىر-چىراغ قىلىشقا چاقىرغان. براخمان كاھىنلىرى «ۋېدا» نىڭ چۈشەندۈرگۈچىلىرى بولۇپ، ئەڭ ئالىي نوپۇزغا ئىگە، ئۇلارنىڭ ئىمتىيازلىق ئورنىنى قوغداش ئۈچۈن، بۇ دىندا يەنە ھەرقايسى تائىپىلەرنىڭ رىئايە قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان ھەرىكەت قائىدىلىرى بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئەڭ ئالىي غايىۋى مەنزىل «بۇددا بىلەن ئۆزىنىڭ بىردەكلىكى» گە يېتىپ، ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت، دەپ تەرغىپ قىلغان. براخمان دىنى تەبىقىگە ئايرىش ناھايىتى قاتتىق بولغان تائىپە (ۋارنا) تۈزۈمىنى كۈچىنىڭ بارىچە قوغداپ، براخمانلار تائىپىسىنى ئىلاھ (براخما) نىڭ ئاغزىدىن تۇغۇلغان، باشقا ئۈچ تائىپىنى (يەنى كىشاترىيە، ۋايسىيە، سودرا تائىپىلىرىنى) ئىلاھ ئۆزىنىڭ بىلىكى، يوتىسى ۋە پۇتىدىن ياراتقان دەيدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅥ ئەسىردە بۇددا دىنى، جىنا دىنى گۈللىنىپ ۋە كەڭ تارقىلىپ، براخمان دىنىنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە تەھدىت سالغان ھەمدە ئۇنى بىر مەھەل ئاجىزلاشتۇرغان. مىلادى Ⅸ — Ⅷ ئەسىرلەردە سانكارا قاتارلىقلارنىڭ ئىسلاھ قىلىشى ئارقىلىق، بۇددا دىنى ۋە جىنا دىنىنىڭ بەزى ئەقىدىلىرىنى قوبۇل قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن ھىندى دىنى دەپ ئاتالغان. 

براخمان دىنى جەمئىيىتى

  • براخمان دىنى جەمئىيىتى[يەشمىسى:] «براخمان جەمئىيىتى»گە قاراڭ.

برائونشۋېيگ خىتابنامىسى

  • برائونشۋېيگ خىتابنامىسى[يەشمىسى:]پرۇسىيە-ئاۋسترىيىنىڭ فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا قارشى تۇرۇش خىتابنامىسى. 1792-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى پرۇسىيە-ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى برائۇنشۋېيگ ئېلان قىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. خىتابنامىنى فرانسىيە خانىكىسى مارى ئانتۋانېت (Marie ntionetteA، 1753 — 1793) نىڭ تەلىپى بويىچە فرانسىيىلىك قاچاق ئاقسۆڭەك، گراف لىمون يېزىپ چىققان. ئۇ ئاۋسترىيە كورۇلى ۋە پرۇسىيە ئىمپېراتورىنىڭ نامى بىلەن، لۇئى Ⅹ Ⅵ نىڭ ئەركىنلىكى ۋە قانۇنىي ھوقۇقىنى جەزمەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىملىقىنى، ئىمپېراتور، خانىكە ۋە خان جەمەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشنى توختىتىشنى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى، خەلق قوغدىنىش ئارمىيىسى ئىمپېراتور دۈشمىنى ۋە توپىلاڭچى دەپ قارىلىپ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى، قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان پارىژ ھەم باشقا شەھەر ئاھالىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى كۆيدۈرۈلۈپ، پارىژنىڭ تۈپتۈز قىلىۋېتىلىدىغانلىقىنى جار سالغان. پارىژ خەلقى بۇ ئىغۋاگەرچىلىك خىتابنامىسىدىن 8-ئاينىڭ 1-كۈنى خەۋەر تاپقاندىن كېيىن،10-كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ بۇربون سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.

برائۇچىس

  • برائۇچىس[يەشمىسى:]Walther Von Brauchitsch، 1881 — 1948) فاشىستلار گېرمانىيىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ مارشالى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە توپچى ئەسكەرلەر كاپىتانى بولغان، كېيىن باش شتابقا شىتاب ئوفېتسىرى بولۇپ يۆتكەلگەن. 1933-يىلى شەرقىي پرۇسسىيىدىكى گىنسىبۇرگ بىرىنچى دىۋىزىيىسىگە قوماندانلىق قىلغان. 1938-يىلى گىتلېر تەرىپىدىن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاۋسترىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيىنى ئىشغال قىلىشىغا، پولشاغا ھۇجۇم قىلىشىغا، گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە فرانسىيىگە تاجاۋۇز قىلىشىغا قوماندانلىق قىلغان. 1940-يىلى 7-ئايدا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ مارشاللىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1941-يىلى 6-ئايدا نېمىس ئارمىيىسىنى باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغان. موسكۋاغا قىلغان ھۇجۇمى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن شۇ يىلى 12-ئايدا خىزمىتىدىن ئېلىۋېتىلگەن. 1945-يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشۈپ، تۈرمىدە ئۆلگەن.

برائۇدېر

  • برائۇدېر[يەشمىسى:]Earl Russell Browder، 1891 — 1973) ئامېرىكا كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى، رېۋىزىئونىست. ئۆسمۈرلۈكىدە ئائىلىسىنىڭ كەمبەغەللىكىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالغان، كېيىن بوغالتىر بولغان. 15 يېشىدا ئامېرىكا سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. كېيىن شىمالىي ئامېرىكا سىندىكالىستلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان ۋە بۇ ئىتتىپاقنىڭ «ئەمگەك» ژۇرنىلىنى تەھرىرلەشكە قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەسكەر قوبۇل قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقى ۋە ئەسكەرلىككە تىزىملىتىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە سولانغان. 1920-يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، كوممۇنىستىك ھەرىكەتكە قاتناشقان. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مائارىپ ئىتتىپاقىنىڭ «ئەمگەك ئاۋانگارتى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. ئامېرىكا ئىشچىلار پارتىيىسى (كېيىن نامى ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن) نى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1926-يىلى جۇڭگونىڭ خەنكو شەھىرىگە كېلىپ، پان تىنچ ئوكيان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سېكرىتارىياتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1930-يىلى مەملىكىتىگە قايتىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا كومپارتىيىسىنىڭ مەمۇرىي ئىشلار سېكرىتارى، كېيىن باش سېكرىتارى بولغان. 1944-يىلى 4-ئايدا، «تېھران» دېگەن كىتابنى ئېلان قىلىپ، دۇنيا كاپىتالىزم بىلەن سوتسىيالىزمنىڭ ھەمكارلىقى دەۋرىگە قەدەم قويدى، دەپ تەرغىپ قىلغان ۋە ئۇنى «تېھران روھى» دەپ ئاتىغان. شۇ يىلى 5-ئايدا ئامېرىكا كومپارتىيىسىنى تارقىتىۋېتىپ، باشقىدىن «كوممۇنىستىك سىياسىي كېڭەش» دېگەن تەشكىلات قۇرۇپ، كېڭەشنىڭ رەئىسى بولغان. 1945-يىلى فوستېر باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا كوممۇنىستلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. كېيىنكى يىلى 2-ئايدا پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. كېيىن «كوممۇنىزم تەتقىقاتى» ژۇرنىلى رېداكسىيىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. برائۇدېرنىڭ «كوممۇنىزم ئامېرىكىدا»، «تىنچلىق ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشايلى»، «چىقىش يولى»، «غەلىبە ۋە غەلىبىدىن كېيىن»، «ماركس ۋە ئامېرىكا» دېگەن كىتابلىرى بار. 

برائۇدېر رېۋىزىئونىزمى

  • برائۇدېر رېۋىزىئونىزمى[يەشمىسى:] برائۇدېر ۋەكىللىكىدىكى رېۋىزىئونىزم — تەسلىمچىلىك لۇشيەنى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇرژۇئازىيە بىلەن فاشىزمغا قارشى خەلقئارا بىرلىك سەپ قۇرۇش شارائىتىدا شەكىللەنگەن. بۇ لۇشيەن زامانىمىزنىڭ جاھانگىرلىك ۋە پرولېتارىيات ئىنقىلابى دەۋرى ئىكەنلىكىنى، سوتسىيالىزم بىلەن كاپىتالىزمدىن ئىبارەت ئىككى خىل تۈزۈمنىڭ قارىمۇ قارشىلىقى، مۇستەملىكە، يېرىم مۇستەملىكە خەلقلىرى بىلەن جاھانگىرلىكنىڭ قارىمۇ قارشىلىقىنى ئىنكار قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيىنىڭ «تېھران خىتابنامىسى» دۇنيانى كاپىتالىزم بىلەن سوتسىيالىزم «ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان» دەۋرگە باشلاپ كىردى، دېگەننى تەرغىپ قىلغان؛ ئامېرىكىنىڭ جاھانگىرلىك خاراكتېرىنى ئىنكار قىلىپ، «ئامېرىكا مۇستەسنالىق نەزەرىيىسى» نى تەرغىپ قىلىپ، ئامېرىكا ھېلىمۇ «كاپىتالىزمنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى بەزىبىر خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاۋاتىدۇ» دەپ كۆككە كۆتۈرگەن؛ ئىشچىلار بىلەن كاپىتالىستلار ھەمكارلىقىنى تەرغىپ قىلىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى سىنىپىي كۈرەشنى «ئىمكان قەدەر ئازايتىش» ۋە «ئېنىق چەكلەش» نى تەشەببۇس قىلغان، «پۈتۈن مەملىكەت ئىتتىپاقلىقى» نى نىقاب قىلىپ، پرولېتارىيات سىياسىي پارتىيىسىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئىنكار قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيىنى پەقەت تەشۋىقات ئىشى بىلەنلا شۇغۇللىنىدىغان «سىياسىي ئۇيۇشما» قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشنى تەشەببۇس قىلغان؛ ماركسىزم-لېنىنىزمنى «دوگما»، «كونىراپ كەتكەن فورمۇلا» دەپ ھۇجۇم قىلىپ، «ماركسىزم-لېنىنىزمنىڭ خاتا تەلىملىرى» نى پۈتۈنلەي تازىلاشنى تەشەببۇس قىلغان. بەزى دۆلەتلەردىكى كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرىگە بەكمۇ يامان تەسىر كۆرسەتكەن. ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىچىدە فوستېر باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم كوممۇنىستلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ھەمدە كۆپلىگەن قېرىنداش پارتىيىلەرنىڭ چەكلىشى ۋە تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغان. 

براۋا دۆلىتى

  • براۋا دۆلىتى[يەشمىسى:]قەدىمكى دۆلەت نامى. جۇڭگونىڭ تارىخ كىتابلىرىدا سومالىنىڭ سودا شەھىرى بىراۋا(Brawa) شۇنداق ئاتالغان. «دېڭىز مەنزىرىلىرى» دە بۇ دۆلەت توغرىلىق مەخسۇس توختالغان. «مىڭ سۇلالىسى تارىخى. چەت ئەللەر تەزكىرىسى» دە «براۋا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە، بۇ دۆلەت جۇڭگو بىلەن ئەلچى ئەۋەتىشىپ بېرىش-كېلىش قىلغان.

برائىس

  • برائىس[يەشمىسى:]James Bryce، 1838 — 1922)ئەنگلىيىلىك تارىخچى. گلازگو ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1-مارت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. لوندون ۋە گېرمانىيىدە قانۇنشۇناسلىق ئۆگەنگەن. 1867 — 1882-يىللىرى ئادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1868 — 1874-يىللىرى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ مانچېستېردىكى ئوۋېنىس ئىنستىتۇتىدا قانۇنشۇناسلىق بويىچە لېكتور ۋە پروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەن.1870— 1893-يىللىرى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇنشۇناسلىق بويىچە پادىشاھ بېكىتكەن پروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەن. 1880—1906-يىللىرى تۆۋەن پالاتا ئەزاسى بولغان. 1894-يىلدىن تارتىپ سودا ۋەزىرى، ئىرلاندىيە ئىشلىرى ۋەزىرى ۋە ئەنگلىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. 1914-يىلدىن باشلاپ يۇقىرى پالاتا ئەزاسى بولغان ۋە شۇ يىلى ۋىكونت ئۇنۋانى بېرىلگەن. برائىسنىڭ «مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى»، «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى»، «ھازىرقى زامان دېموكراتىك دۆلىتى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

برەتىئانۇ

  • برەتىئانۇ[يەشمىسى:]1) يون ك. برەتىئانۇ، (Ion C. Bratianu، 1821 — 1891) رومىنىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1876 — 1888). ۋالاخىيىدە پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1848-يىلى ۋالاخىيە ئىنقىلابىغا قاتناشقان. كېيىن بۇخارېست ساقچى باشلىقى بولغان. خەلقنى قوراللاندۇرۇپ تۈركىيىنىڭ مۇداخىلىچى قوشۇنىغا قارشىلىق كۆرسىتىشكە قارشى تۇرغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن فرانسىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان (1848 — 1857).ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋالاخىيە بىلەن مولداۋىيە بىرلىشىپ رومىنىيە پادىشاھلىقىنى قۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1866-يىلى لىبېرالىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ غەلىتە ئىتتىپاقنى ھىمايە قىلغان، يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتىغا قارشى تۇرۇپ، كىنەز كۇزانى ئاغدۇرۇش سۇيىقەستىگە قاتناشقان، پرۇسسىيە شاھزادىسى كارول Ⅰ نىڭ رومىنىيىگە كىنەز بولۇشىنى قوللىغان. باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغىنىدا 1877 — 1878-يىللاردىكى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە روسىيە بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، رومىنىيىنىڭ تۈركىيىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى (1877-يىل 5-ئاينىڭ 9-كۈنى)جاكارلىغان. 1883-يىلى ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقىغا قاتناشقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە بانكىسى بىلەن بىر قاتار قەرز پۇل ئېلىش توختامى تۈزگەن. يەنە ئىشچى ۋە دېھقانلارنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنى باستۇرغان. (2) يون ئى. ك. برەتىئانو (Ion Ⅰ. C. Brаtiano، 1864 — 1927) رومىنىيە باش ۋەزىرى )1909 — 1911، 1914 — 1919، 1922 — 1926، 1927). يون ك. برەتىئانونىڭ ئوغلى. ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋەزىرى (1897 — 1899)، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋەزىرى (1901 — 1904)،ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋەزىرى (1907) بولغان. دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ئاۋىلىسكۇ بىلەن بىرلىكتە 1907-يىلىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1909-يىلى لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدە ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە بىلەن گېرمانىيە-ئاۋسترىيە گۇرۇھى ئارىسىدا ئەھۋالغا بېقىپ ئىش كۆرۈش سىياسىتىنى قوللانغان. 1916-يىلى 8-ئايدا، روسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقچىلىرى تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتنىشىش كېلىشىمىگە قول قويغان. 1919-يىلى ۋېنگرىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە قارشى قوراللىق مۇداخىلىگە قاتناشقان. 1924-يىلى رومىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلغان. شۇ يىلى تاتار بۇنارى قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 

بروندال

  • بروندال[يەشمىسى:]Viggo Brondal، 1887 — 1942) دانىيىلىك تىلشۇناس. كوپېنھاگېن داشۆسىنىڭ دوكتورى. مەخسۇس رومان تىلى تەتقىقاتچىسى. كېيىنچە پارىژدا بىلىم ئاشۇرغان ھەم ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1928-يىلىدىن باشلاپ كوپېنھاگېن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. تىلشۇناسلىقتا دانىيە ئىلمىي ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1931-يىلى دانىيە تىلشۇناسلىق جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. ئۇ «ئومۇمىي تىلشۇناسلىق»نى تەشەببۇس قىلىپ، تىلدا ئەبەدىي ئۆزگەرمەس ئامىللار مەۋجۇت، دەپ قارىغان، ئۇنىڭ «قۇرۇلما تىلشۇناسلىق» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

برونزا قوراللار دەۋرى

  • برونزا قوراللار دەۋرى[يەشمىسى:]ئارخېئولوگىيىدە قىزىل مىس قورال دەۋرىدىن كېيىنكى، تۆمۈر قورال دەۋرىدىن بۇرۇنقى بىر دەۋرنى كۆرسىتىدۇ. برونزا قىزىل مىس بىلەن قەلەينى ئاساسىي تەركىب قىلغان قېتىشما. ئۇ ئېرىش نۇقتىسى تۆۋەن، قاتتىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېھتىياج بويىچە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى قەلەي مىقدارىنى كۆپەيتكىلى ياكى ئازايتقىلى بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان قاتتىقلىققا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؛ ئېرىتمىنى قۇيغاندا كۆپۈكلىشىش ئاز بولىدۇ، ئۆتكۈر، بىسلىق ئەسۋابلار ۋە نازۇك نەقىش قاتارلىقلارنى ئاسان قۇيغىلى بولىدۇ. برونزا دەۋرىدە، تاش قوراللارنى ئىشلىتىش چەتكە قېقىلمىغان، بەزى رايونلار ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تۇرغان، بەزى رايونلار قۇللۇق جەمئىيەتكە قەدەم قويغان. مېسوپوتامىيە ۋادىسى ۋە مىسىر قاتارلىق جايلاردا مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرى برونزا دەۋرى باشلانغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن برونزا دەۋرىگە قەدەم قويغان رايونلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

برۇتۇس

  • برۇتۇس[يەشمىسى:]Marcus Junius Brutus، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 85 — 42) قەدىمكى رىم سىياسىئونى، جۇمھۇرىيەتچى. ئاتاقلىق ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ ئەجدادى پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغۇچى مەشھۇر ليوسئۇس يونىئۇس برۇتۇ ئىكەن. كائېسار بىلەن پومىپېئىسۇس «ئىچكى ئۇرۇش» قوزغىغان مەزگىلدە، ئۇ پومپېئىسۇسنى قوللىغان. فارىسالۇس ئۇرۇشى (مىلادىدىن 48 يىل ئىلگىرى) دىن كېيىن كائېسارنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشىپ، دوست بولغان. مىلادىدىن 46 يىل ئىلگىرى تاغنىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. مىلادىدىن 44 يىل ئىلگىرى شەھەرنىڭ چوڭ پراتورى(Prartor Urbanus) بولغان. كائېسارنىڭ مۇستەبىتلىكىگە قارشى تۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نىيەت قىلغان. مىلادىدىن 44 يىل ئىلگىرى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى كاسسىئۇس (Caius Gassiu Longinus)قاتارلىق بىر تۈركۈم ئادەملەر بىلەن بىرلىكتە سىنات زالىدا كائېسارنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىگەن. كاسسىئۇس قاتارلىقلار بىلەن بىرگە گرېتسىيىگە قېچىپ بېرىپ، كائېسارنىڭ ۋارىسچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا تەييارلانغان. مىلادىدىن 42 يىل ئىلگىرى فىلىپپى (ماكېدونىيىدە) ئۇرۇشىدا ئوكتاۋىئۇس-ئانتونىئۇس بىرلەشمە ئارمىيىسىدىن يېڭىلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. يازغان ئەسەرلىرى بار، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغىنى پەقەت سىسېرو بىلەن يېزىشقان خەتلىرىدىنلا ئىبارەت.

برۇسې

  • برۇسې[يەشمىسى:]1) جامېس برۇسې(James Bruce، 1730 — 1794) ئەنگلىيىلىك مۇستەملىكىچى، ئېكسپېدىتسىيىچى. 1763 — 1765-يىللىرى ئالجىرىيىدە تۇرۇشلۇق كونسۇل بولغان. 1768-يىلى مىسىرغا بېرىپ نىل دەرياسىنىڭ مەنبەسىنى ئىزدىگەن. 1770-يىلى 2-ئايدا گۇندار (Gondar) غا بارغان. 11-ئاينىڭ 14-كۈنى تانا كۆلىگە يېتىپ بېرىپ، كۆك نىل دەرياسىنىڭ باشلانغان جايىنى تاپقان. كېيىن چېكىنىپ قورۇقىدا تۇرۇپ ساياھەت خاتىرىسى يازغان. ئۇنىڭ «نىل دەرياسىنىڭ مەنبەسىنى تېپىش ساياھىتى» ناملىق ئەسىرى بار. (2) پائۇل برۇسسې (Paul Brousse، 1844—1912). فرانسىيە ئۇششاق بۇرژۇئا سوتسىيالىزمچىسى، مۇمكىنچىلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. دوختۇر بولغان، ياش ۋاقىتلىرىدا سوتسىيالىزمنى تەرغىپ قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ھۆكۈمەتسىزلەرگە مەنسۇپ بولغان. بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئەزاسى. 1871-يىلى پارىژ كوممۇنىسى ئىنقىلابىغا قاتناشقان، ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چەت ئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىسپانىيە، شۋېتسىيە ۋە ئەنگلىيىلەردە تۇرغان. باكۇنىننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ھۆكۈمەتسىزلەر تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ، 1880-يىلى فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. دەسلىپىدە لافارگ بىلەن گېدىنىڭ ئېتىقادچىسى بولغان. 1882-يىلى ئۇلار بىلەن ئادا-جۇدا بولۇپ، مۇمكىنچىلەرنىڭ (ئىنقىلابىي سوتسىيالىزمچى ئىشچىلار پارتىيىسى) رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. بۇرژۇئازىيىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان سىنىپىي كۈرەشتىن ۋاز كېچىشنى تەرغىپ قىلىپ، «مۇمكىن» دائىرىدىلا ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان. 1890-يىلى، «سوتسىيالىزمچى ئەمگەكچىلەر ئىتتىپاقى» بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن، يەنىلا مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ كاتتىبېشى بولغان. لېكىن ئۇنىڭ تەسىرى تەدرىجىي يوقالغان. 1905-يىلى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. 1906-يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.

برۇگگې ئەتىگەنلىك ئىبادەت قوزغىلىڭى

  • برۇگگې ئەتىگەنلىك ئىبادەت قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] 1302-يىلى فلاندېرستىكى برۇگگې (Brugge)شەھىرى قول سانائەتچىلەرنىڭ فرانسىيە ئىشغالىيەتچىلىرىگە قارشى قوزغىلىڭى. 1300-يىلى فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅳ ئەسكەر چىقىرىپ فلاندېرسىنى بېسىۋالغان. برۇگگې خەلقى 1302-يىل 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەتىگەندە چېركاۋنىڭ ئەتىگەنلىك ئىبادەت قوڭغۇراق ئاۋازىنى بەلگە قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تەخمىنەن ئۈچ مىڭدەك فرانسىيە ئىشغالىيەتچىلىرىنى ئۆلتۈرگەن. فلاندېرسنىڭ باشقا شەھەرلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئاۋاز قوشقان. شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى، فلاندېرس قول سانائەتچىلىرى بىلەن دېھقانلىرى يەنە كۇرترې جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1305-يىلى فىلىپ Ⅳسۈلھ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، فلاندېرسنى قوشۇۋېلىش نىيىتىدىن يانغان.

برۇندىسيۇم

  • برۇندىسيۇم[يەشمىسى:]Brundisium)قەدىمكى ئىتالىيىنىڭ كالابرىيە تېررىتورىيىسى ئىچىدىكى مەشھۇر شەھەر بولۇپ، ئادرىياتىك دېڭىز ساھىلىدىكى مۇھىم بىر پورت. رىم شەھىرىدىن كاپۇئا ئارقىلىق جەنۇبىي ئىتالىيىگە بارىدىغان «ئاپىيا چوڭ يولى» نىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. رىم سودا كارۋانلىرى ۋە قوشۇنلىرى گرېتسىيىگە ياكى شەرق تەرەپتىكى رايونلارغا بېرىشتا، كۆپىنچىسى برۇندىسيۇم پورتىدىن كېمىگە چىقىدۇ. يەنى ھازىرقى برىندىسى (Brindisi).

برۈنن مىللىي پروگراممىسى

  • برۈنن مىللىي پروگراممىسى[يەشمىسى:] ئاۋسترىيە سوتسىيال-دېموكراتلار پارتىيىسى تۈزگەن ئىسلاھاتچىلىق خاراكتېرىدىكى مىللىي پروگرامما. 1899-يىلى برۈنن(Brünn، يەنە بىر نامى برنو، بۈگۈنكى چېخوسلوۋاكىيىدە) قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان. پروگراممىدا «مىللىي مەدەنىيەت ئاپتونومىيىسى» توغرىسىدىكى ئىسلاھاتچىلىق پرىنسىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاۋسترىيىنىڭ ھابىسبۇرگ خاندانلىقى ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان زۇلمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلغان. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋەزىپىسىنى ھەل قىلىشنى پۈتكۈل مىللىي مەسىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە؛ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىنىپىي ھەمكارلىقنى سىنىپىي كۈرەشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۇرۇنغان. پارتىيىنىڭ مىللىي مەسىلە توغرىسىدىكى سىياسىتىنى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھاتنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سىياسىي كۈرىشى بىلەن بىرلەشتۈرمىگەن. بۇ خاتا نەزەرىيىنىڭ ⅩⅩ ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىكى خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىدە بەلگىلىك تەسىرى بولغان. لېنىن ئۆزىنىڭ «مىللىي مەدەنىيەت ئاپتونومىيىسى توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىدە بۇ پروگراممىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. 

برونو

  • برونو[يەشمىسى:]Giordano Brono، 1548 — 1600) ئىتالىيىلىك مۇتەپەككۇر. نولا (Nola) شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1563-يىلى نېئاپولدا دومنىگو جەمئىيىتىگە قاتناشقان. كېيىن بىدئەت دەپ ئەيىبلىنىپ، 1575-يىلى دومنىگو جەمئىيىتىدىن ئايرىلىپ رىمغا كەلگەن. تەخمىنەن 1577-يىللىرى نائىلاج چەت ئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەنۋە، تۇلۇسې (Toulouse)، پارىژ، ئوكسفورد، ۋېتتېنبېرگ (Wittenberg)، پراگا ۋە فرانكفورد قاتارلىق جايلارغا بارغان. 1592-يىلى ئىتالىيىگە قايتىپ كېلىپ، ۋېنېتسىيىدىكى بىدئەتچىلەرگە ھۆكۈم قىلىش ئورنى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. تۈرمىدە ياتقان سەككىز يىل جەريانىدا قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن باش ئەگمىگەن، ئەڭ ئاخىرىدا 1600-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى رىمدا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. برونو كوپېرنىك ياراتقان قۇياش مەركەز تەلىماتىغا ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا قۇياشنىڭ ئالەم بوشلۇقىنىڭ مەركىزى ئەمەسلىكىنى، پەقەتلا قۇياش سىستېمىسىنىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىنى، قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا، ئالەم بوشلۇقىدا يەنىلا سانسىزلىغان يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، شۇڭلاشقا ئالەم بوشلۇقىنىڭ چەكسىز بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ مەركىزى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن، كوپېرنىك يەر شارىنى قۇياش سىستېمىسىدىكى ئادەتتىكى بىر يۇلتۇز ئورنىغىلا قويغان بولسا، ئۇ، قۇياشنى ئالەم بوشلۇقىدىكى ئادەتتىكى بىر تۇرغۇن يۇلتۇز قاتارىغا قويۇپ، خرىستىئان دىنىدىكىلەر ئىخلاس قىلىپ كېلىۋاتقان يەر شارى مەركەز تەلىماتىنى ئۈزۈل-كېسىل ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بولۇپ، چوڭقۇر ئىلغارلىق ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىدى. ئەمما برونو ئۈزۈل-كېسىل ماتېرىيالىزمچى ئەمەس ئىدى، ئۇ، تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلمايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە تەبىئەتنىڭ ئۆزى خۇدا دەپ قارايتتى، شۇڭا ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى پانتېئىزمچىلىققا مەنسۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «سەۋەب، ماھىيەت ۋە بىرلىك توغرىسىدا»، «چەكسىزلىك، ئالەم ۋە دۇنيا توغرىسىدا» قاتارلىقلار بار.

برۇنى

  • برۇنى[يەشمىسى:]Leonardo Bruni، 1369 — 1444) ئىتالىيىلىك گۇمانىزمچى، تارىخشۇناس. ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئارېززو شەھىرىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقىتلىرىدا فلورېنسىيىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، يۇنان ئالىمى كىرىسولوراس (Emmanuel Chrysoloras، تەخمىنەن 1355 —1415-يىللار)تىن تەلىم ئالغان.1405 — 1415-يىللىرى پاپانىڭ كاتىپى بولغان،1427-1444-يىللىرى فلورېنسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى بولغان. قەدىمكى يۇنان ئالىملىرى ئارىستوتېل، ئەپلاتون، پلوتاركوس قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى لاتىنچىغا تەرجىمە قىلغان ھەمدە ئىتاليان دىئالېكتى بىلەن مەدەنىيەت -سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش پېشۋالىرىدىن دانتې، پېتراركلارنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسىرى لاتىنچە يېزىلغان 12 توملۇق «فلورېنسىيە تارىخى» بولۇپ، ئۇنىڭدا فلورېنسىيە شەھىرىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىدىن تارتىپ 1404-يىلىغىچە بولغان تارىخ بايان قىلىنغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېتىكا، پەلسەپە، مائارىپ ساھەلىرى توغرىسىدىكى نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان. سىياسىي جەھەتتە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىپ، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرغان. تارىخ تەتقىقاتى جەھەتتە تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ سەۋەب -نەتىجىلىك مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا تىرىشقان، شۇنىڭدەك تەھلىل قىلىش، ماتېرىياللارنى ئايرىشقا ماھىر بولغان.

برۇنىڭ

  • برۇنىڭ[يەشمىسى:]Henrich Bruning، 1885 —1970)، (1885 — 1975) گېرمانىيە ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى (1930 —1932)، كاتولىك دىنى مەركىزىي پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. ئىلگىرى پەلسەپە ۋە سىياسەت ئۆگەنگەن. 1920 — 1929-يىللىرى ئوڭ قانات كاتولىك دىنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1924-يىلىدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1929-يىلى كاتولىك دىنى مەركىزىي پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى رەئىسى بولغان. 1930-يىلى 3-ئايدا زۇڭتۇڭ ھىندېنبۇرگ تەرىپىدىن زۇڭلىلىققا تەيىنلەنگەن. 1932-يىلى 5-ئايدا تەختتىن چۈشكەن. ناتسىستلار ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن كاتولىك دىنى مەركىزىي پارتىيىسىنى تارقىتىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان. 1934-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە خارۋارد داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1951-يىلى فېدېراتىپ گېرمانىيىگە قايتىپ كەلگەن. 1954-يىلى يەنە ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

برېتاگې

  • برېتاگې[يەشمىسى:]Bretagne) فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى قەدىمكى رايون نامى. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رىملىقلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. مىلادى Ⅴ ئەسىردىن Ⅵ ئەسىرگە قەدەر ئەسلىدە چوڭ برىتانىيە ئارىلىدا ئولتۇراقلاشقان برېتون (Bretons) لار ئانگلو-ساكسونلارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىسىگە ئۇچراپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ مۇشۇ ئەتراپلارغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. «برېتاگې» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنبەسى ئەنە شۇ برېتونلاردىن كەلگەن. كېيىن فرانكو پادىشاھى كلوۋىس تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. لېكىن ئۇ يەرگە ئۈنۈملۈك ھۆكۈمرانلىقنى يۈرگۈزمىگەن. مىلادى Ⅸئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بەگلىك قۇرۇلغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كىنەزلىك قۇرۇلغان. 1532-يىلى فرانسىيىگە قوشۇۋېلىنغان. بۈگۈنگە قەدەر قىسمەن يەرلىك ئاھالىلەر يەنىلا برېتون تىلىدا سۆزلىشىدۇ.

برېتىگنى سۈلھ شەرتنامىسى

  • برېتىگنى سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] يۈز يىللىق ئۇرۇش دەۋرىدە ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە 1360-يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنى برېتىگنى (Brёtigny، بۈگۈنكى فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا)كەنتىدە تۈزۈشكەن سۈلھ شەرتنامە. 1356-يىلى 9-ئايدا، پۇئاتىيې ئۇرۇشىدا فرانسىيە يېڭىلىپ، فرانسىيە كورۇلى جون Ⅱ ئەسىرگە چۈشۈپ، شاھزادە چارلېس ئەنگلىيە بىلەن سۈلھ تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. سۈلھ شەرتنامىدە: فرانسىيە كالى پورتى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئەنگلىيىگە بۆلۈپ بېرىش؛ ئەنگلىيە خانى ئېدۋارد Ⅲ نىڭ ئاكۋىتانىيە، گاسكون، پوئاتۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فرانسىيىنىڭ پۈتكۈل غەربىي جەنۇبىغا قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشنى ئېتىراپ قىلىش؛ فرانسىيە جون Ⅱنى نۇرغۇن پۇل بېرىپ قايتۇرۇپ كېتىش؛ ئېدۋارد Ⅲ فرانسىيىنىڭ خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇش تەلىپىدىن ۋاز كېچىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. بۇ سۈلھ شەرتنامە فرانسىيىگە نىسبەتەن ناھايىتى پايدىسىز بولسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇشۇ ئارقىلىق ئارام ئېلىۋېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق ئۇرۇشقا تەييارلانغان.

برېدا خىتابنامىسى

  • برېدا خىتابنامىسى[يەشمىسى:]1660-يىل 4-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئەنگلىيىلىك كارل Ⅱ بىلەن گېنېرال مۇنك سۆھبىتىدىن كېيىن ستۇئارت خاندانلىقىنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن برېدا (Breda، بۈگۈنكى گوللاندىيىدە) دا ئېلان قىلىنغان پروگرامما خاراكتېرلىك ھۈججەت. ئۇنىڭدا خىتابنامە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى 40 كۈن ئىچىدە كورۇلدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلغان پۇقرالار كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىلگەن؛ ئېتىقاد ئەركىنلىكى جاكارلانغان؛ ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىنئام قىلىنغان ياكى سېتىۋېلىش يولى بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن يەر-زېمىنلار قوغدىلىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ئارمىيىگە بېرىلمەي قالغان مائاش تولۇقلاپ بېرىلىدىغانلىقى، يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىلەر تۈپەيلى كېلىپ چىققان ھەرخىل نىزاملار پارلامېنت تەرىپىدىن «ئادىللىق بىلەن» ھەل قىلىنىدىغانلىقى جاكارلانغان. شۇنىڭ بىلەن پارلامېنت 5-ئاينىڭ 8-كۈنى كارل Ⅱ دىن ئەنگلىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدىكى قارارنى بىردەك ماقۇللىغان. 

برېژنېۋ

  • برېژنېۋ[يەشمىسى:]Леонид Νльич Брежнев، 1906 — 1982) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سېكرىتارىئاتىنىڭ باش سېكرىتارى(1966 — 1982)، ئالىي سوۋېت پرىزدىئومنىڭ رەئىسى(1960 — 1964، 1967 — 1982). ئوكرائىنانىڭ كامېنسىك بازىرى (ھازىرقى دىنېپىرودژېرژىنىسىك شەھىرى) دىكى مېتاللۇرگىيە ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1931-يىلى كوممۇنىستىك پارتىيىگە كىرگەن. 1935-يىلى دىنېپىرودژېرژىنىسىك شەھەرلىك مېتاللۇرگىيە شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مېتاللۇرگىيە زاۋۇتىنىڭ ئىنژېنېرى بولغان. 1937-يىلى دىنېپىرودژېرژىنىسىك شەھەرلىك سوۋېت ئىجرائىيىكومنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1938-يىلى دىنېروپېتروۋىسىك ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ سودا بۆلۈم باشلىقى بولغان، ئىككىنچى يىلى ئوبكومنىڭ شۇجىسى بولغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە 18-كورپوس سىياسىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئوكرائىنا 4-يۆنىلىش ئارمىيىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1946-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ زاپوروژ ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ بىرىنچى شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئىككىنچى يىلى 11-ئايدا دىنېپروپېتروۋىسىك ئوبكومنىڭ بىرىنچى شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1950-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ مولداۋىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن، شۇ يىلى 10-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى؛ سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى پرىزدىئومنىڭ كاندىدات ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىسى بولۇپ سايلانغان. 1953 — 1954-يىللىرى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىسى باش سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1954 — 1955-يىللىرى قازاقىستان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىككىنچى سېكرىتارى، بىرىنچى سېكرىتارى بولۇپ ئىشلىگەن. 1956-يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت پرىزدىئومنىڭ كاندىدات ئەزاسى، ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى، بىرىنچى سېكرىتارى، باش سېكرىتارى، روسىيە فېدېراتىپ بيۇروسىنىڭ رەئىسى، ئالىي سوۋېت پرىزدىئومنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ئۇنىڭ «لېنىنىزم فاڭجېنىغا ئەمەل قىلايلى»، «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىيە سىياسىتى توغرىسىدا» ۋە «تەرەققىي تاپقان سوتسىيالىزمنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش مەسىلىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

برېست سۈلھ شەرتنامىسى

  • برېست سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] يەنى «برېست-لىتوۋسك سۈلھ شەرتنامىسى» سوۋېت روسىيىسى بىلەن گېرمانىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى (ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى، تۈركىيە، بۇلغارىيە) نىڭ برېست لىتوۋسك (بۈگۈنكى برېست) دە ئىمزالىغان شەرتنامە. سوۋېت روسىيە ھۆكۈمىتى «تىنچلىق پەرمانى»دا، ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش تەكلىپى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، 1917-يىل 12-ئاينىڭ 5-كۈنى گېرمانىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. 12-ئاينىڭ 9-كۈنى تىنچلىق سۆھبىتى باشلانغان. كېيىنكى يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، سوۋېت روسىيىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باش ۋەكىلى تروتىسكىي لېنىننىڭ يوليورۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاشنى رەت قىلغان ھەمدە «ھەم ئۇرۇشمايدىغان، ھەم ياراشمايدىغان» لىقىنى جاكارلىغان. گېرمانىيە ئارمىيىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تىنچلىق سۆھبىتىنى بۇزۇپ، پېتروگرادقا كەڭ كۆلەمدە قىستاپ كەلگەن. لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلار پارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى يېڭىدىن قۇرۇلغان سوۋېت دۆلىتىنى جاھانگىرلىك ئۇرۇشىدىن چېكىندۈرۈپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇستەقىللىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 3-كۈنى گېرمانىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئېغىر شەرتنامىگە ئىمزا قويۇشنى قارار قىلغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، سوۋېت روسىيىسى بىر مىليون كۋادرات كىلومېتر زېمىندىن ئايرىلغان ۋە غايەت زور تۆلەم تۆلىگەن. لېكىن شۇ ئارقىلىق ئارام ئېلىۋېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ئىگىلىكنى تەرتىپكە سېلىپ، قىزىل ئارمىيە قۇرۇپ، ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ مېۋىسىنى مۇستەھكەملىگەن ھەمدە كۈچ توپلاپ ئاق گۋاردىيە ۋە چەت ئەل قوراللىق مۇداخىلىچىلىرىگە زەربە بەرگەن. 1918-يىل 11-ئاينىڭ 31-كۈنى، سوۋېت ھۆكۈمىتى گېرمانىيىنىڭ دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيىتىدىن پايدىلىنىپ مەزكۇر شەرتنامىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

برېستېد

  • برېستېد[يەشمىسى:]James Henry Breasted، 1865 — 1935) ئامېرىكىلىق شەرقشۇناس، تارىخشۇناس. 1888-يىلى غەربىي شىمال ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چىكاگو تېنولوگىيە ئىنستىتۇتى يىل ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1905-يىلى مىسىرشۇناسلىق ۋە شەرق تارىخى پروفېسسورى، شۇنىڭدەك شەرق مۇزېيىنىڭ باشلىقى بولغان. 1905 — 1907- يىللىرى ئارخېئولوگىيە ئەترىتىنى باشلاپ مىسىر، سودانلاردا ئارخېئولوگىيىلىك قېدىرىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغان. 1919-يىلى چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان، شۇ يىلى يەنە ئارخېئولوگىيە ئەترىتىنى باشلاپ يېقىن شەرققە بارغان، كېيىن يەنە داۋاملىق تۈردە بەش قېتىم ئارخېئولوگىيىلىك پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، دائىرىسى شىمالدا قارا دېڭىز بويلىرىدىن تارتىپ، جەنۇبتا تاكى يۇقىرى مىسىرغىچە بولغان كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1919-يىلى ئامېرىكا شەرقشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، 1927-يىلى ئامېرىكا تارىخشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى «مىسىر تارىخى»، «قەدىمكى مىسىر يازما يادىكارلىقلىرى»(بەش توم)، «قەدىمكى مىسىردىكى دىن ۋە ئىدىيە تەرەققىياتى» قاتارلىقلار بار.

برېشت

  • برېشت[يەشمىسى:]Bertolt Brecht، 1898 — 1956) گېرمانىيىلىك دراماتورگ، شائىر. ئاۋگىسبۇرگتا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ميۇنخېن داشۆسىدە مېدىتسىنا ئۆگەنگەن. 20-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1933-يىلى ناتسىستلار ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، چەت ئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولسىمۇ، فاشىزمغا قارشى كۈرەشنى يەنىلا داۋاملاشتۇرغان. 1948-يىلى، سابىق دېموكراتىك گېرمانىيىگە قايتىپ كەلگەن. درامىنىڭ تەربىيىۋى رولىغا ئېتىبار بېرىپ، «تەشۋىقات، قوزغىتىش ۋە سەنئەت» نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «تارىخىي داستان درامىسى» نەزەرىيىسى بىلەن «ۋاسىتىلىك ئۈنۈم» دىن ئىبارەت ئويۇن قويۇش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1949-يىلى بېرلىن تىياتىر ئۆمىكىنى قۇرۇپ، سەھنە ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئويۇن قويۇش ئېقىمىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «درامىچىلىقتىكى ئۇششاق جابدۇقلار توغرىسىدا»، «ئويۇن قويۇشنىڭ يېڭى ماھارىتى» قاتارلىقلار بار، دراما ئەسەرلىرىدىن: «كالار ئانىنىڭ مىلتىقى»، «يۈرەكلىك ئانا ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى»، «ھالىلىنىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىقلار، ناخشىسىدىن: «بىر ئىشچىنىڭ كىتاب ئوقۇغان ۋاقتىدىكى گۇمانى»، «قۇرۇلۇش ناخشىسى» قاتارلىقلار بار. 1955-يىلى «خەلقئارا تىنچلىقنى كۈچەيتىش» ستالىن خەلقئارالىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

برېنتانوچىلىق

  • برېنتانوچىلىق[يەشمىسى:] ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70 — 90-يىللىرىدىكى گېرمانىيە بۇرژۇئا-چاكىنا ئىقتىسادشۇناسى برېنتانو(Lujo Brentano، 1844 — 1931) ۋەكىللىكىدىكى ئىسلاھاتچىلىق تەلىماتى. بۇ تەلىمات دۆلەت — سىنىپتىن ھالقىغان تەشكىلات. ئۇ سىنىپىي زىددىيەتلەرنى كېلىشتۈرەلەيدۇ، دېگەننى تەرغىپ قىلغان. كاپىتالىزم تۈزۈمىدە دۆلەت«ئىجتىمائىي سىياسەت» نى يولغا قويۇش، زاۋۇت-فابرىكىلارنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش، خىزمەت كۈنىنى قىسقارتىش، ئىجتىمائىي خەۋپسىزلەندۈرۈشنى يولغا قويۇش، باج نىسبىتىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئىسلاھاتچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق، ئىجتىمائىي «باراۋەرلىك» ۋە سىنىپىي «تىنچلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. لېنىن ئۇنى بىر تۈرلۈك «پرولېتارىياتنىڭ ئىنقىلاب قىلمايدىغان <سىنىپىي> كۈرىشىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ئەركىن بۇرژۇئازىيە تەلىماتى» دەپ ئاتىغان («لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى»، 3-توم. خەلق نەشرىياتىنىڭ 1960-يىلقى خەنزۇچە نەشرى. 616-بەت).

برىئان

  • برىئان[يەشمىسى:]Aristide Briand، 1862 — 1932)فرانسىيە زۇڭلىسى(1909 — 1911، 1913، 1915 — 1917، 1921 — 1922، 1925 — 1926، 1929). ئەسلىدە ئادۋوكات ۋە ئاخباراتچى. دەسلەپكى يىللاردا ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، سول قانات مەتبۇئاتلارغا ماقالە يازغان. 1889-، 1893-، 1898-يىللىرى ئۈچ قېتىم ئاۋام پالاتاسى ئەزالىقى سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ يېڭىلگەن. 1901-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1902-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ئەزاسى سالاھىيىتى بىلەن ئاۋام پالاتاسىغا قاتناشقان. 1904-يىلى ژورېس بىلەن بىرلىكتە «ئىنسانپەرۋەرلىك» گېزىتىنى نەشىر قىلغان. كېيىنكى يىلى ھۆكۈمەت بىلەن مائارىپنى ئايرىۋېتىش قانۇن لايىھىسىنى تۈزۈشكە قاتناشقان. 1906-يىلى مائارىپ مىنىستىرى بولغانلىقى تۈپەيلى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپ قېتىم زۇڭلى بولغان، 26 قېتىم مىنىستىر بولغان. 1910-يىلى تۆمۈريول ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرغان. 1921 — 1922-يىللىرى ۋاشىنگتون دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنىغا قاتناشقان. 1925-يىلى لوكارنو ئەھدىنامىسىنى تۈزۈشكە قاتنىشىپ، گېرمانىيىگە قارىتا دوستلۇق فاڭجېنى قوللانغان. 1926-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1928-يىلى «كېلوگ-برىئان ئەھدىنامىسى»نى تۈزۈشكە قاتناشقان. 1930-يىلى ياۋروپا فېدېراتسىيىسى قۇرۇشنى ئاشكارا تەشۋىق قىلغان. زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىدە يېڭىلگەندىن كېيىن 1932-يىلى 1-ئايدا پېنسىيىگە چىققان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولغان.

برىئان-كېلوگ ئەھدىنامىسى

  • برىئان-كېلوگ ئەھدىنامىسى[يەشمىسى:] «غەيرىي ئۇرۇش ئەھدىنامىسى» ياكى «پارىژ ئەھدىنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1927-يىلى 12-ئايدا فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى برىئان بىلەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېلوگ (Frank Billings Kellogg، 1856 — 1937) تەشەببۇس قىلغان. 1928-يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى فرانسىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ھىندىستان قاتارلىق 15 دۆلەت پارىژدا ئىمزالىغان. ئاساسىي مەزمۇنى: ئەھدىنامىگە قاتناشقۇچى دۆلەتلەر خەلقئارا دە-تالاشلارنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشنى ئەيىبلەيدۇ ھەمدە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەردە ئۇرۇشنى ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشنىڭ قورالى قىلمايدۇ. دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش ياكى توقۇنۇشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا پەقەت تىنچلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ ھەل قىلىدۇ. لېكىن مەزكۇر ئەھدىنامە تۈزۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن مېموراندۇم، بايانات ۋە ساقلاپ قالىدىغان شەرتلەرنى ئېلان قىلىپ، «قانۇنلۇق مۇداپىئەلىنىش ھوقۇقى» دېگەننى باھانە قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئەھۋالغا قاراپ «ئۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلىش» نى بەلگىلەش ياكى بەلگىلىمەسلىك ھوقۇقى بولىدۇ، دەپ جار سالغان. شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەھدىنامىگە قاتناشقانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1929-يىل 7-ئاينىڭ 24-كۈنى مەزكۇر ئەھدىنامە رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان. 1934-يىلى 5-ئايغىچە بۇنىڭغا 63 دۆلەت ئىمزا قويغان. كېيىن مەزكۇر ئەھدىنامە كۆپ قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قالغان.

برېئۇئىل

  • برېئۇئىل[يەشمىسى:]Henri Breuil، 1877 — 1961) فرانسىيە ئارخېئولوگى. ياۋروپانىڭ كونا تاش قورال دەۋرى ئۆڭكۈر تام سۈرەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە كونا تاش قورال دەۋرىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ دەۋرلەرگە بۆلۈش جەھەتتە بىرقەدەر زور تۆھپە قوشقان. 1901-يىلى فىند-گوم ئۆڭكۈرى تام سۈرەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، كونا تاش قورال دەۋرىدە گۈزەل سەنئەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەن. كېيىن يەنە ئالىتامىرا ئۆڭكۈر تام سۈرەتلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققان. فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە ئىسپانىيىدىكى ئۆڭكۈر تام سۈرەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتىن باشقا يەنە ئىسپانىيە ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى تىكيار سۈرەتلىرىنىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرگەن. كلاكتون (Clacton) مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغىمۇ ھەسسە قوشقان. 1931-يىلى جۇڭگوغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلىگەن ھەمدە بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمى تاش قوراللىرىنى تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان. ئۇنىڭ «ئۆڭكۈر گۈزەل سەنئىتىنىڭ 40 مىڭ يىلى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

بريۇسوۋ

  • بريۇسوۋ[يەشمىسى:]Валерий Яковлевич Брюсов، 1873 — 1924) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى شائىرى. باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئىلگىرى يازغان شېئىرلىرى مىستىزم كەيپىياتى بىلەن توشقان. 1905-يىلى ئىنقىلاب ھارپىسىدا رېئاللىققا يۈزلىنىپ، بۇرژۇئازىيە مەدەنىيىتىنىڭ مۇقەررەر يوقىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن، ئىنقىلابقا خەيرخاھلىق قىلىدىغان «كەلگۈسىدىكى ھۇنلار»،«تاشچى» ۋە «خەنجەر»قاتارلىق شېئىرلارنى يازغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، يەنى 1919-يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن، 1921-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىيات سەنئەت شۆيۈەنىگە رەھبەرلىك قىلغان. «زىيالىي يولداشلارغا»، «ئۈچىنچى كۆز» ۋە «لېنىن» قاتارلىق شېئىرلارنى يازغان. شېئىر توغرىسىدا بەزى ماقالىلەرنىمۇ يازغان. 

بلاج قۇرۇلتىيى

  • بلاج قۇرۇلتىيى[يەشمىسى:]ترانسىلۋانىيىدىكى رۇمانلارنىڭ مۇستەقىللىك تەلەپ قىلىش قۇرۇلتىيى. 1948-يىلى 3-ئايدا، ترانسىلۋانىيىدىكى ئاراد (Arad)، تىمگىئوئارا(Timgoara) قاتارلىق شەھەرلەردە يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى ھەم مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە 4-ئاينىڭ 30-كۈنى بلاج (Blaj) دا يىغىلىش قىلىش بەلگىلەنگەن. شۇ كۈنى رومىنىيە ئىنقىلابىي زىيالىيلىرى تەخمىنەن 4000 دېھقاننى باشلاپ يىغىنغا قاتناشقان. 5-ئاينىڭ 3 — 5-كۈنلىرى 40 مىڭدىن ئوشۇق دېھقان، زىيالىي، سودىگەر ۋە ھۈنەرۋەن يىغىلىش قىلغان. يىغىندا بارنتىيۇ (Simion Bǎrntiu) يىغىن پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىپ ئېلان قىلىپ، رومانلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى تەكىتلەپ، ۋېنگرىيە بىلەن قوشۇۋېتىشكە نارازىلىق بىلدۈرگەن. يىغىن، ئۆزىنىڭ مەمۇرىي، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى ۋە سوت مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىش، مىللىي تىل-يېزىقىنى قوللىنىش، ھاشار ۋە فېئودال مەجبۇرىيەتلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش، يەر قانۇنىنى ئۆزگەرتىش، سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، توسۇقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە ھەمدە پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىن رۇمانلارنىڭ مىللىي ئېڭىنى كۈچەيتكەن.

بلاگويىۋ

  • بلاگويىۋ[يەشمىسى:]Димитрий Николаевич Благоев،1856 — 1924) بۇلغارىيە ئىشچى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى (بىرىككەنلەر گۇرۇھى) نىڭ قۇرغۇچىسى ھەم داھىيسى. ماكېدونىيىدە كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا مىللىي ئازادلىق كۈرىشىگە قاتناشقان. روسىيىدىكى ئودېسا سودا-سانائەت كەسپىي مەكتىپى (1878 — 1880) ۋە پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان (1881-يىلى)، روسىيە نارودنىكلىرى بىلەن ئۇچراشقان. 1883-يىلى 12-ئايدا، روسىيىدىكى ئەڭ دەسلەپكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان. 1885-يىلى 2-ئايدا چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن سوتسىيالىزم ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان. شۇ يىلى يازدا سوفىيىدە بۇلغارىيە بويىچە تۇنجى سوتسىيالىستىك ژۇرنال «ھازىرقى زامان يېتەكچىسى»نى نەشىر قىلغان. 1891-يىلى بۇلغارىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرغان. 1897 — 1923-يىللىرى پارتىيىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى «يېڭى دەۋر» نى باشقۇرغان. 1903-يىلى پارتىيە ئىچىدىكى سولچىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىرىككەنلەر گۇرۇھىنى ئۇيۇشتۇرغان. 1910-يىلى بىرىككەنلەر گۇرۇھى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ كوپىنھاگېن قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، لېنىن تەشەببۇس قىلغان ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال سولچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جاھانگىرلىك ئۇرۇش ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال سوتسىيال شوۋىنىزمچىلارنىڭ ساتقۇنلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئاشكارا پاش قىلىپ، بىرىككەنلەر گۇرۇھىنىڭ ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1919-يىلى بىرىككەنلەر گۇرۇھىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشكە رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1923-يىلى فاشىزمغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ بېرىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ يەردە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ «بۇلغارىيە سوتسىيالىزم تارىخى»، «سوتسىيالىزم دېگەن نېمە ھەمدە ئۇ ئېلىمىزدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەمدۇ-يوق؟» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

بلانكى

  • بلانكى[يەشمىسى:]Louis Auguste Blanqui، 1805 — 1881) فرانسىيىلىك ئىنقىلابچى، خىيالىي كوممۇنىزمچى. ئالپ دېڭىز ياقىسىدىكى ئۆلكىدە بىر كىچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا پارىژدا قانۇن ۋە دوختۇرلۇق سىنىپىدا ئوقۇغان. ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەرگە پائال قاتنىشىپ، قولغا ئېلىنغان. 30-يىللاردىن باشلاپ بۇ ئوناروتتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا تەدرىجىي ئۆزىگە خاس كۆزقاراشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئارقا-ئارقىدىن جەمەت ئۇيۇشمىسى (1835)، تۆت پەسىل ئۇيۇشمىسى (1837) قاتارلىق مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتلارنى قۇرغان. 1839-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى تۆت پەسىل ئۇيۇشمىسى ئېلىپ بارغان پارىژ قوزغىلىڭى بلانكىچىلارنىڭ تۇيۇقسىز قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىنىڭ تىپى ھېسابلىنىدۇ. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. 1848-يىلى ئىنقىلاب مەزگىلىدە مەركىزىي جۇمھۇرىيەت ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە قولغا ئېلىنغان. 1870-يىلى پروسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، «تۆتىنچى سېنتەبر» ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 31-ئۆكتەبردىكى ۋە 1871-يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، يەنى پارىژ كوممۇنىسى قوزغىلىڭىنىڭ ھارپىسىدا قولغا ئېلىنغان.1879-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغانلىقتىن قويۇپ بېرىلگەندە، سوتسىيالىزم تەشۋىقات پائالىيىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان. 1881-يىلى يېڭى يىلدا مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ۋاپات بولغان. ئۇ، ئىنقىلابىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان 50 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، 33 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەچكە، «ئىنقىلابىي مەھبۇس» دەپ ئاتالغان. ئۇ، ماتېرىيالىزم ۋە ئاتېئىزم نەزەرىيىسى ئارقىلىق دىن بىلەن نومىنالىزمنى تەنقىد قىلغان، لېكىن ئۇ يەنە تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانى ئىدراك، ئىرادە، ئىدىيە ۋە تەجرىبىلەر تەرىپىدىن ئاتا قىلىنىدۇ، تەربىيە بولسا ئاساسلىق ئىلگىرىلەتكۈچى كۈچ، دەپ ھېسابلىغان. ئىنسانىيەت تارىخىنى ئەمگەك تەقسىماتىنى چەك قىلىپ تۇرۇپ ئىككى باسقۇچقا بۆلگەن، ئەخلاق ۋە ئىدراك كۆزقارىشىنى چىقىش قىلىپ، كاپىتالىزم تۈزۈمىنى تەنقىدلىگەن؛ ئالدى بىلەن سىياسىي ئىنقىلابنى ئېلىپ بارغاندىلا ئاندىن ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان؛ مەخپىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇش ئارقىلىق قوراللىق قوزغىلاڭ ئېلىپ بېرىش، ئاز سانلىق ئىنقىلابچىلار دىكتاتۇرىسىنى تىكلەش ئارقىلىق كونا ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتلىرىغا قەتئىي زەربە بېرىپ، يېڭى جەمئىيەت قۇرۇش لازىم، دېگەننى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ «ئىجتىمائىي تەنقىد»، «قوراللىق قوزغىلاڭ قىبلىنامىسى»، «ۋەتەن خەۋپ ئىچىدە تۇرماقتا»قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار.

بلانكى

  • بلانكى[يەشمىسى:]فرانسۇزچە Phalange نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، يۇنان تىلىدىن كەلگەن. ئەسلى ئېغىر قوراللانغان پىيادىلەر قوشۇنىنىڭ ئەترەت شەكلىنى بىلدۈرىدۇ. ⅩⅨ ئەسىردىكى فرانسىيىنىڭ خىيالىي سوتسىيالىستى فورېي ئويلاپ چىققان غايىۋى جەمئىيەتنىڭ («ئىناقلىق تۈزۈمىنىڭ») ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى. ئۇنىڭ «پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئىناقلىقى»، «تۆت خىل ھەرىكەت توغرىسىدا»، «ئالەمنىڭ بىرلىكى توغرىسىدا» ۋە «ئىقتىسادىي ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى يېڭى دۇنيا» قاتارلىق كىتابلىرىدا غايىۋى جەمئىيەت توغرىسىدىكى لايىھىسىنى ئىزچىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان، پالانىگېدىكى ھەممە ئادەمنىڭ ئەمگەككە قاتنىشىشى، «يەتتە تۈرلۈك ئەمگەك» (سانائەت، يېزا ئىگىلىك، سودا، ئائىلە ئىشلىرى، مائارىپ، پەن-تېخنىكا ۋە سەنئەت) بويىچە مۇكەممەل بىر سىستېما شەكىللەندۈرۈشنى؛ نورمالنىي كۆلەمدىكى 1620 ئادەم بولۇشىنى، مىجەزىگە قاراپ ئىش تەقسىم قىلىشىنى؛ رەھبەرلىك ئاپپاراتى بولغان باھالاش يىغىنىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى، لېكىن زورلۇق كۈچ بولماسلىقىنى، 95.2 كۋادرات كىلومېتر يەر ئىگىلەپ، ئەزالارنىڭ جامائەت ئۈچۈن سېلىنغان ئۆيلەر (فرانسۇزچە «فالانستېرې» Phalanstere) دە ئولتۇرۇشى كېرەكلىكى؛ پاي قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پاي سوممىسى يىغىشنى، ئەمگەكچىلەر ھەتتا كاپىتالىستلارمۇ پاي قوشۇشقا بولىدىغانلىقىنى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ساقلاپ قېلىشنى، مەھسۇلاتنىڭ تەقسىماتىنى كاپىتال، ئەمگەك ۋە ئىقتىدار بويىچە بەلگىلەشنى ، بۇنىڭدا ئەمگەك [SX(]5[]21[SX)] نى، ئىقتىدار [SX(]3[]21[SX)] نى، كاپىتال [SX(]4[]21[SX)] ياكى [SX(]5[]21[SX)] قىسمىنى ئىگىلەشنى تەشەببۇس قىلغان. فورېي تالاي قېتىم سىناق قىلىپ، سىناق خاراكتېرلىك ئورگانغا رەھبەرلىك قىلىپ ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان. كېيىن ئۇنىڭ شاگىرتى «پالانستېي»ژۇرنىلى، «بلانكى» گېزىتى تەسىس قىلغان، شۇنىڭدەك ئامېرىكىدا تەجرىبە قىلىپ، 40 بلانكى ياكى كۆچمەنلەر رايونى قۇرغان، لېكىن ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان. فورېي تەسەۋۋۇرىدىكى بلانكى ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندىكى فرانسىيىدىكى ھەر خىل ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرى لايىھىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى تېخى يېتىلمىگەن كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ھالىتى ۋە يېتىلمىگەن سىنىپىي ھالەت ئاستىدا بارلىققا كەلگەن.

بلانكىچىلار

  • بلانكىچىلار[يەشمىسى:]فرانسىيە بلانكى تەلىماتىنىڭ مۇرىتلىرى. 1871-يىلىدىكى پارىژ كوممۇنىسى ئەزالىرى ئىچىدىكى كۆپ سانلىقلار. ئىيۇل خاندانلىقى مەزگىلىدە شەكىللەنگەن. ئىككىنچى ئىمپېرىيىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بولۇپمۇ 1870-يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن تەسىرى كۈنسېرى كېڭەيگەن. ئۇنىڭ ئەزالىرى پارىژ كوممۇنىسى ئەزالىرى ئىچىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئىگىلىگەن. ھەربىي ئىشلار، ساقچى، ئامانلىق، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولغان. ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش، خائىنلارنى تازىلاش، ۋېرسالنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئىنتايىن زور رول ئوينىغان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ۋايان باشچىلىقىدىكى بلانكىچىلار بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقان ھەمدە ماركسنىڭ ھۆكۈمەتسىزلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قوللىغان. كېيىن، ئىنتېرناتسىئونالدىن چېكىنىپ چىققان ھەمدە لوندوندا ئىنقىلابىي كوممۇنا تەشكىل قىلغان. 1881-يىلى ۋايان ۋە ئىئودېسنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىنقىلابىي كوممۇنانى مەركىزىي ئىنقىلابىي كومىتېتقا ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن. 1898-يىلى يەنە ئىنقىلابىي سوتسىيالىزم پارتىيىسىگە ئۆزگەرتكەن؛ 1901-يىلى گېدچىلار بىلەن فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن، 1905-يىلى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى (يەنى ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالى فرانسىيە ياچېيكىسى)نى قۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بلانكىچىلارنىڭ داھىيسى شۇۋىنىزملىق مەيداندا تۇرغان. 1915-يىلى ۋايان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مەزكور مەزھەپ يوقالغان. «بلانكى» گە قاراڭ.

بلانكىچىلىق

  • بلانكىچىلىق[يەشمىسى:]ⅩⅨئەسىردە فرانسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى بىر خىل ئىنقىلابىي تەۋەككۈلچىلىك پىكىر ئېقىمى. ئۇنىڭ ۋەكىلى بلانكى بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ كوممۇنىزمغا ئىنتىلگەن؛ لېكىن ئىنقىلابىي پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ ئىنقىلاب جەريانىدىكى رولىنى چۈشەنمىگەن. پرولېتارىياتنىڭ سىنىپىي كۈرىشىنى ئىنكار قىلىپ، ئاز ساندىكى ئىنقىلابچىلارنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشى ۋە دىكتاتۇرىسى بىلەن كاپىتالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، كوممۇنىزمنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن دەپ قارىغان. ماركس، ئېنگېلس ۋە لېنىن بلانكىچىلارنىڭ ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان روھىغا ناھايىتى يۈكسەك باھا بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئۇلارنىڭ كەڭ ئاممىغا تايانماسلىقتەك مەزھەپچىلىك مەيدانىنى ۋە ئوبيېكتىپ شارائىت بىلەن كارى بولمايدىغان تەۋەككۈلچىلىك تاكتىكىسىنى كەسكىن تەنقىد قىلغان.

بلوك

  • بلوك[يەشمىسى:]Александр Александрович Блок،1880 — 1921) سوۋېت روسىيە شائىرى. پېتېربۇرگ داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1903-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرى سىمۋولىزملىق تۈسكە ئىگە بولۇپ، مىستىزملىق كەيپىياتى بىلەن توشقان. كېيىن 1905-يىلىدىكى ئىنقىلابنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئاستا-ئاستا رېئالىزم تەرەپكە يۈزلەنگەن، «ۋەتەن»، «روسىيىگە مەدھىيە» قاتارلىق شېئىرلارنى يازغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىنى ھىمايە قىلغان. 1918-يىلى «ئون ئىككى»ناملىق داستانىنى يېزىپ ئون ئىككى نەپەر قىزىل گۋاردىيىچىنىڭ قەھرىمانلىق ئوبرازىنى يارىتىپ، سوۋېتتىكى يېڭى ھايات كارتىنىسىنى سىزىپ چىققان. بلوكنىڭ يەنە دراما ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىمۇ بار.

بلوك

  • بلوك[يەشمىسى:]1) جېئان رىچارد بلوك(Jean Richard Bloch،1884—1947). فرانسىيە يازغۇچىسى، فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى. ياش ۋاقىتلىرىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1910-يىلى «ئەركىن كۈچلەر» ژۇرنىلىنى نەشىر قىلغان. 20-يىللاردا كاپىتالىزم جەمئىيىتىنى تەنقىد قىلىدىغان ئەسەرلەرنى نەشىر قىلغان. 30-يىللاردا فاشىزمغا قارشى ھەرىكەتلەر بىلەن پائال شۇغۇللىنىپ، 1936-يىلىدىكى ئىسپانىيە ئىنقىلابىغا مەدەت بەرگەن. 1937-يىلى ئاراگۇن بىلەن بىرلىكتە «كەچلىك گېزىتى»نى چىقارغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان، 1941-يىلى نائىلاج سەرگەردان بولۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارغان. سوۋېت ئىتتىپاقىدا رادىئو ئىستانسىسى ئارقىلىق خەلقنى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن داۋاملىق «كەچلىك گېزىتى»نىڭ باش تەھرىرى بولغان. ئۇنىڭ «سېتىلغان فرانسىيىدىن قولىغا قورال ئالغان فرانسىيىگىچە» ناملىق ئەسىرى بار. (2) مارك بلوك( Marc Bloch، 1886 — 1944). فرانسىيە تارىخشۇناسى. «يىللىق مەجمۇئەچىلەر» نىڭ قۇرغۇچىسى. پارىژدىكى ئالىي سىفەندە، گېرمانىيىدىكى لېيپسېگ داشۆسىدە ۋە بېرلىن داشۆلىرىدە ئوقۇغان. 1919 — 1936-يىللىرى سىتراسبۇرگ داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1929-يىلى فېبۋرې بىلەن بىرلىكتە «ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت يىللىق مەجمۇئەسى»نى چىقىرىپ، تارىخ تەتقىقاتىدا پسىخولوگىيە، جۇغراپىيە ۋە ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1936-يىلىدىن ئېتىبارەن پارىژ داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان، غەربىي ياۋروپا فېئوداللىق جەمئىيەتلىرى توغرىسىدا مۇپەسسەل بايانلىرى بار. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فاشىست گېرمانىيىسى فرانسىيىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. 1944-يىلى 6-ئايدا ئىشغالىيەتچى ئارمىيە تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ «فرانسىيىنىڭ يېزا تارىخىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى»، «تارىخنى ئاقلايمەن» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

بلومبېرگ

  • بلومبېرگ[يەشمىسى:]Werner Von Blomberg، 1878 — 1946) فاشىست گېرمانىيىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى. 1927-يىلى دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1929-يىلى شەرقىي پرۇسسىيە ھەربىي رايوننىڭ قوماندانى بولغان. 1933-يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1935-يىلى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. گىتلېرنىڭ مەقسىتى بويىچە ئاۋسترىيە، چىخوسلوۋاكىيە ۋە پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىشتىكى ھەربىي پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان. 1936-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ مارشاللىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1938-يىلى خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان. 1946-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن نيۇرنېبېرگتىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تۈرمىسىدە ئۆلگەن.

بلۇشېر

  • بلۇشېر[يەشمىسى:]Gebhard Leberecht Blucher، 1742 — 1819) پرۇسسىيە مارشالى. 1756-يىلى شۋېتسىيە ئاتلىق ئەسكەرلەر پولكىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. يەتتە يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە پرۇسسىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشۈپ، 1760-يىلىغا كەلگەندە پرۇسسىيە ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1793 — 1794-يىللىرى بىرىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1796-يىلى گېنېرال لېيېنانتلىققا ئۆستۈرۈلگەن ھەمدە ئېرفۇرت، مۈلخاۋسېن ۋە مۇنىستېرلەرنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1805-يىلى جۈنجاڭ بولغان. 1806-يىلى ئاۋئەرشىتېد ئۇرۇشىدا ناپولېئوندىن يېڭىلگەن.ئىككىنچى يىلى پومېرانىيىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان.1812-يىلى ناپولېئوننىڭ بېسىمى ئاستىدا ۋەزىپىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىلغان. 1813-يىلى ناپولېئونغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىدا پرۇسسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، سىلېزىيە جۈنتۇەنىنى باشلاپ لېيپسىگ بىرلەشمە جېڭىگە قاتناشقان. ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن مارشاللىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1814-يىلى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ،فرانسىيە ئارمىيىسىگە قوغلاپ زەربە بېرىپ، پارىژ شەھىرىنىڭ يېنىغىچە بارغان. 1815-يىلى 6-ئايدا ۋاتېرلۇ ئۇرۇشىدا فرانسىيە ئارمىيىسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان. ئۇنىڭ ئۇرۇش ئىستىلى قەيسەر، سالماق بولۇپ، جەڭچىلەر ئارىسىدا زور تەسىرگە ئىگە بولغان. ماركس، ئېنگېلس ئۇنى «مۇنەۋۋەر ھەربىي» دەپ تەرىپلەشكەن. ئۇنىڭ «1793-يىلى ۋە 1794-يىللىرىدىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتى خاتىرىلىرى» ناملىق ئەسىرى بار.

بلۇم

  • بلۇم[يەشمىسى:]Leon Blum،1872 — 1950) فرانسىيە زۇڭلىسى (1936 — 1937، 1938-، 1946 — 1947). فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭ قانات داھىيسى. بۇرژۇئا ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بۇرۇنلا ئەدەبىي تەتقىقاتچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، كېيىن سوتسىيالىستىك ھەرىكەتكە قاتناشقان. 1899-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1914 — 1916-يىللىرى جامائەت قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1919-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1920-يىلى تېر قۇرۇلتىيىدا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قاتنىشىشقا قارشى چىقىپ، سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان. كېيىن ئۇزۇن ۋاقىت سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە «خەلق گېزىتى» نىڭ باشلىقى بولغان، ئىككى قېتىم «خەلق فرونتى» نامى بىلەن ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەن. لېكىن «خەلق فرونتى» نىڭ پروگراممىسىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلمىغان. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئاتالمىش «ئارىلاشماسلىق» سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا فرانسىيە مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، قولغا ئېلىنغان. 1943 — 1945-يىللىرى گېرمانىيىدە تۈرمىدە ياتقان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى تەرىپىدىن قويۇۋېتىلگەن. 1946-يىلى ئەلچى بولۇپ ئامېرىكىغا چىققان. سىرتقا نىسبەتەن ئامېرىكاپەرەسلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشنى، ئىچكى قىسىمدا كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ئوڭ قاناتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچىنچى خىل كۈچنى تۇرغۇزۇشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ يىلى قىسقا ۋاقىت زۇڭلى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ مەزگىلدە ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. «بولشېۋىزم ۋە سوتسىيالىزم»، «ئىنسانىيەت دائىرىسى ئىچىدە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

بېلېست گانا

  • بېلېست گانا[يەشمىسى:]Alberto Blest Gana، 1830 — 1920) چىلى يازغۇچىسى. دىپلوماتىيە ئەمەلدارى. ⅩⅨ ئەسىردىكى لاتىن ئامېرىكىسى رېئالىست يازغۇچىسى.چىلى سانتىياگودا تۇغۇلغان. 1946-يىلى سانتىياگو ھەربىي ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن پارىژدا قۇرۇلۇش كەسپىنى ئوقۇغان، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە قۇرۇقلۇق ئارمىيىدە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن ۋە كراچاگۇا (Colchagua) ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1871-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئەنگلىيە، فرانسىيىدە باش ئەلچى بولۇپ تۇرغان. 1879 — 1891-يىللىرىدىكى تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى مەزگىلىدە چىلىنىڭ قورال-ياراق سېتىۋېلىش ئىشىغا مەسئۇل بولغان. 1886-يىلدىن كېيىن چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىپ پارىژدا ئۆلگەن. ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە كۆپىنچە چىلى جەمئىيىتىنىڭ رېئال تۇرمۇشى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «مارتىن رىۋاس»، «كۆچمەنلەر»، «مۇھەببەتتىكى ھېساب»، «قاپاقباشنىڭ غايىسى» قاتارلىقلار بار.

بليوخېر

  • بليوخېر[يەشمىسى:]Василий Константинович Блюхер، 1890 — 1938) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى. دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. سېلىسار بولۇپ ئىشلىگەن. 1910-يىلى ئىش تاشلاشقا چاقىرىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا، ئېغىر يارىلىنىپ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن. 1916-يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابى مەزگىلىدە سامارادا ئىنقىلابىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە قىزىل ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىپ، كولچاك قاتارلىقلارنىڭ ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. 1921 — 1922-يىللىرى يىراق شەرق جۇمھۇرىيىتى ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى، ھەربىي يىغىننىڭ رەئىسى بولغان. 1924 — 1927-يىللىرى جۇڭگو گۇاڭدۇڭ ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىسى بولغان. 1929 — 1938-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان.

بوتتا

  • بوتتا[يەشمىسى:]Garlo Botta، 1766 — 1837) ئىتالىيىلىك تارىخشۇناس. ئەسلى دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانغان. 1792 — 1794-يىللىرى فرانسىيە ئىنقىلابىغا ھېسداشلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان. كېيىن فرانسىيىگە كۆچۈپ بېرىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1796-يىلى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىتالىيىدە قوزغىغان ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1799-يىلى پېمونتې ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1802-يىلى ۋە 1809-يىلى فرانسىيە قانۇن تۇرغۇزۇش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، ناپولېئون ئىمپېرىيىسىگە ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا كەلگەندە سىياسىي مەيدانى بارا-بارا مۇتەئەسسىپلىككە يۈزلەنگەن. ئۇنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرى چەت ئەلنىڭ قۇل قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىك ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن. ئەسەرلىرى ئاممىباب بولۇپ، كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئىتالىيىدىكى تەرەققىيپەرۋەر زاتلار ئارىسىدا خېلى چوڭ تەسىرگە ئىگە بولۇپ، كۆپ قېتىم قايتا نەشىر قىلىنغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشى تارىخى»، «ئىتالىيە تارىخى» (1789 — 1814) قاتارلىقلار بار.

بوتسارىس

  • بوتسارىس[يەشمىسى:]Markos Botsaris، 1790 — 1823) يۇنان مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ قەھرىمانى. ئالبانىيىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى باي ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. فرانسىيە ئىئونىيە ئارىلىنى بېسىۋالغان مەزگىلدە فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالبانىيىدە قۇرغان شۆبە ئەترىتىدە ئەسكەر بولغان. 1820 — 1822-يىللىرى ئەلى پاشا تېپېلېنانىڭ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە سۇنى قىسمىغا قوماندانلىق قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم يەڭگەن. سۇنى تۈركىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن يۇناندىكى ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ مەركىزىي مېسلانگىئونغا كەتكەن. 1822-يىلنىڭ ئاخىرى شەھەر مۇداپىئە ئۇرۇشىنى تەشكىللىگەن. 1823-يىلى 8-ئايدا تۈركىيە ئارمىيىسى يېڭى ھۇجۇم قوزغىغاندا يەنە سۇنى قىسمىنى باشلاپ كاپېنشىئون ئەتراپىدا تۈركىيە ئارمىيىسىگە زەربە بېرىپ غەلىبە قازانغان، لېكىن ئۇرۇشتا قۇربان بولغان.

بوتلېروۋ

  • بوتلېروۋ[يەشمىسى:]Александр Михайлович Бутлеров، 1828 — 1886) رۇس خىمىكى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قازان ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەكتەپنىڭ ئۆزىدە قېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1857-يىلى پروفېسسور، 1860-يىلى مەكتەپ مۇدىرى بولغان. 1868-يىلى پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ تۈزۈلۈش نەزەرىيىسىنى يارىتىپ، نەچچە ئونلىغان يېڭى ماددا ۋە يېڭى رېئاكسىيىلەرنى بايقىغان. ئېتانون، ئېتىلېن ئۈچلەمچى بۇتانول، ئىزوبۇتىلېن، ئۇرۇتروپىنلارنى بىرىكتۈرۈپ چىققان ھەمدە ئىزوبۇتىلېننىڭ پولىمېرلىنىش رېئاكسىيىسىنى بايقىغان.بۇتلېروۋنىڭ نەزەرىيە ۋە سىنتېز خىمىيىسىدىكى ئۇتۇقلىرى ئورگانىك خىمىيە تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان. ئۇنىڭ «ئورگانىك خىمىيە ئۇنىۋېرسال تەتقىقاتى توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە»، «يېقىنقى 40 يىللىق خىمىيە تەرەققىيات تارىخى توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

بوتېۋ

  • بوتېۋ[يەشمىسى:]Фристо Ботев، 1849 — 1876) بۇلغارىيە مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، خىيالىي سوتسىيالىزمچى ۋە شائىر. كالوفېر (Калофер) دىكى بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1863 — 1867-يىللىرى روسىيىدە مۇھاجىر بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ۋە ئودېسسا گوبىرنىيىلىك ئوغۇللار ئىككىنچى گىمنازىيىسىدە ئوقۇپ، روسىيە ئىنقىلابى دېموكراتىزملىق ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1868-يىلدىن باشلاپ بۇلغارىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1871-يىلى رومىنىيىدە «بۇلغارىيە مۇھاجىرلىرى مۇنبىرى» نى نەشىر قىلدۇرۇپ، مىللىي ئازادلىق ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان. 1872-يىلى بۇخارىستقا كۆچۈپ بارغان ۋە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئەركىنلىك گېزىتى» ۋە «مۇستەقىللىك گېزىتى» دە تەھرىرلىك قىلغان. شۇنىڭدەك ھەجۋىي خاراكتېرلىك گېزىت «قوڭغۇراقلىق سائەت» نى نەشىر قىلغان. 1874-يىلىدىن باشلاپ بۇلغارىيە ئىنقىلابىي مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن. كېيىن تۈركىيىگە قارشى قوزغىلاڭدا قۇربان بولغان. ئۇ ئەسەرلىرىدە بۇلغارىيە كاپىتالىزم باسقۇچىنى بېشىدىن كەچۈرمەي تۇرۇپلا بىۋاسىتە سوتسىيالىزمغا قەدەم قويىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. «ئانامغا»، «كۈرەش»، «خادجى دېمېتروۋ» ۋە «ۋاسىل لىۋىسكىينىڭ دارغا ئېسىلىشى» قاتارلىق شېئىرلىرى بار.

بوداۋپايا

  • بوداۋپايا[يەشمىسى:]Bodawpaya ؟— 1879) بىرما ئائۇڭزېيا سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى (1782 — 1819). ئائۇڭزېيانىڭ كەنجى ئوغلى. تەختتىكى مەزگىلدە پايتەختنى رۇي ماۋدىن ئاۋاغا كۆچۈرگەن. 1784 — 1785-يىللىرى ئاراكان دۆلىتىنى يوقاتقان. 1785 — 1786-يىللىرى سىيامغا تاجاۋۇز قىلىپ، يېڭىلىپ قالغان. كۆپ قېتىم دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. 1789-يىلى (چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭنىڭ 54-يىلى) چىڭ سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ ئەلچى ئەۋەتكەن. بوداۋپايا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىرمىدا ئۆزئارا تىركەشكەن. خرىستىئان دىنىمۇ مۇشۇ مەزگىلدە بىرمىغا كىرگەن.

بودىيۇننى

  • بودىيۇننى[يەشمىسى:]Семён Михайлович Будённый، 1883 — 1973) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى. نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1903-يىلى چاقىرىققا بىنائەن ھەربىي سەپكە كىرىپ ئاتلىق ئەسكەر بولغان. ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىغا ۋە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۆكتەبر ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، دون رايونىغا قايتىپ كېلىپ سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشقا كىرىشكەن. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئاتلىق ئەسكەرلەر بىرىنچى جۈنتۇەنىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، ئوكرائىنا، كافكاز قاتارلىق جايلاردا ئۇرۇشۇپ دىنكىن، ۋرانگېل ۋە پولشا ئەكسىيەتچى ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. 1919-يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1924 — 1937-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسى ئاتلىق ئەسكەرلەر قىسمىنىڭ باش نازارەتچىسى بولغان. 1937 — 1939-يىللىرى موسكۋا ھەربىي رايونى قوماندانى بولغان. 1939 — 1940-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە خەلق كومىسسارىنىڭ مۇئاۋىن خەلق كومىسسارى، بىرىنچى مۇئاۋىن خەلق كومىسسارى بولغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە غەربىي جەنۇب سەپنىڭ باش قوماندانى، غەربىي سەپ زاپاس قوشۇن قوماندانى، شىمالىي كاپكاز يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر قىسمىنىڭ قوماندانى بولغان، ئۇرۇشتىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئاتلىق ئەسكەرلەر قىسمىنىڭ باش نازارەتچىسى بولغان (1953 — 1954). ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزاسى (1939 — 1952). سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېت ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى (1938 — 1973) بولغان.

بور

  • بور[يەشمىسى:]Niels Hennik David Bohr، 1885 — 1962) دانىيىنىڭ فىزىكا ئالىمى. كوپىنھاگىندا تۇغۇلغان. 1911-يىلى كوپىنھاگىن داشۆسىنىڭ دوكتورى بولغان.كېيىن ئەنگلىيىگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان. 1916-يىلى كوپىنھاگىن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1920-يىلىدىن باشلاپ دانىيە نەزەرىيىۋى فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. بلانكىنىڭ كۋانت نەزەرىيىسى بىلەن رۇتېرفوردنىڭ ئاتوم تۈزۈلۈشى ئىدىيىسىگە ئاساسەن بور تەلىماتىنى ياراتقان؛ ئاتوم پارچىلىنىش نەزەرىيىسىنى تولۇقلاپ، ھازىرقى زامان ئاتوم فىزىكىسىنىڭ ئاساسى قىلغان. 1922-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1957-يىلىدىن باشلاپ شىمالىي ياۋروپا ئاتوم فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. «مېتال ئېلېكترون نەزەرىيىسى تەتقىقاتى»، «ئاتوم ۋە مولېكۇلىلارنىڭ تۈزۈلۈشى»، «نېيتروننىڭ تېپىلىشى ۋە ئاتومنىڭ تۈزۈلۈشى» ۋە «ئاتوم فىزىكىسى ۋە ئىنسانىيەت بىلىمىنىڭ فېليەتونى توغرىسىدا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

بورانلىق ئاي قانۇنى

  • بورانلىق ئاي قانۇنى[يەشمىسى:]فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى مىللىي ئۇيۇشما ماقۇللىغان، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جىنايەتچىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى قانۇن. 1794-يىلى بورانلىق ئاينىڭ 8-ۋە 13-كۈنى (مىلادى 2-ئاينىڭ 26-ۋە 3-ئاينىڭ 3-كۈنى) سائىنت جۇست ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتى ۋە ئامانلىق ساقلاش كومىتېتىغا ۋەكالىتەن بۇ قانۇننى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مىللىي ئۇيۇشما ماقۇللىغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. قانۇندا: ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتى ۋە ئامانلىق ساقلاش كومىتېتى 1789-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇيان قولغا ئېلىنغان بارلىق جىنايەتچىلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، قولغا ئېلىنغان بارلىق ۋەتەنپەرۋەرلەرنى قويۇپ بېرىش ۋە مال-مۈلكىگە چېقىلماسلىق. ئومۇمەن ئىنقىلابنىڭ دۈشمەنلىرى دەپ قارالغانلارنى تىنچلىق ئورنىتىلغىچە تۇتۇپ تۇرۇش ھەمدە ئۇلارنى مەڭگۈلۈك سۈرگۈن قىلىش، مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، نامرات ۋەتەنپەرۋەرلەرگە ھەقسىز بۆلۈپ بېرىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. ياكۇبىنچىلار دىكتاتۇرىلىقىدىكى ئىجتىمائىي ئاساسنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بۇ قانۇندا دېھقانلارنىڭ يەر مەسىلىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەل قىلىنغان. لېكىن بۇ قانۇن كۆرۈنۈشتە ماقۇللانغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىنمىغان، ئىسسىق ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

بوربۇن جەمەتىنىڭ ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسى

  • بوربۇن جەمەتىنىڭ ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسى[يەشمىسى:]ئىسپانىيە بوربۇن سۇلالىسى بىلەن فرانسىيە بوربۇن سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ قېتىملىق ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسى بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1733 -يىلى، 1743-يىلى ۋە 1761-يىلى ئىمزالانغان. 1733-ۋە 1743-يىلىدىكى ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسىدە: ئىسپانىيە، فرانسىيە ئىككى دۆلەت پولشادىكى پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئاۋسترىيىدىكى پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىدا بىرلىشىپ ئاۋسترىيە ھابىسبۇرگ سۇلالىسىگە قارشى تۇرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 1761-يىلىدىكى ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسىدە: ئىسپانىيە، فرانسىيە ئىككى دۆلەت يەتتە يىللىق ئۇرۇش داۋامىدا بىرلىشىپ ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

بوربون سۇلالىسى

  • بوربون سۇلالىسى[يەشمىسى:] بوربون جەمەتى (فرانسۇزچە، Bourbons، ئىسپانچە Borbones، ئىتاليانچە Borboni) نىڭ فرانسىيىدە (1589 — 1792، 1814 — 1815، 1815—1830)، ئىسپانىيىدە (1700— 1808، 1814 — 1868، 1874 — 1931)، نېئاپول پادىشاھلىقىدا (1735 — 1805، 1814 — 1860) ۋە پارما كىنەزلىكى (Parma، شىمالىي ئىتالىيە)دە(1748 — 1802، 1847 — 1859) قۇرغان سۇلالە. بوربون جەمەتىنىڭ ئاتا-بوۋىسى باش ئېپسكوپ ئەيمار (Aimar ياكى Adhemer de Monteil؟ — 1098) نىڭ سۇيۇرغالى بوربون قەلئەسىدە بولغانلىقتىن شۇ نام بىلەن ئاتالغان. 1272-يىلى بوربون سۇيۇرغاللىقىنىڭ ئايال ۋارىسى بېتىسرىكىس كاپېتېن سۇلالىسىنىڭ شاھزادىسى كلېمېنت روبىرت بىلەن توي قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بوربون جەمەتى ۋۇجۇدىغا خان جەمەتىنىڭ قېنى ئارىلاشقان. 1572-يىلى ناۋاررا كورۇلى بوربونلۇق ھېنرى Ⅲ ۋالۇيا سۇلالىسىنىڭ مەلىكىسى مارگارېت بىلەن توي قىلغان. 1589-يىلى ۋالۇيا سۇلالىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان كىشى بولمىغان لىقتىن، تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ ھېنرى Ⅳ دەپ ئاتىلىپ، بوربون سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان. بوربون سۇلالىسى فرانسىيىدە فېئودال ئىستىبداتلىقنى يۈرگۈزگەن. فرانسىيە ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، 1792-يىلى ئاغدۇرۇلغان. 1814-يىلى قايتىدىن ئەسلىگە كەلگەن («بوربون سۇلالىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى»گە قاراڭ). 1830-يىلى ئىيۇل ئىنقىلابى بوربون سۇلالىسىنىڭ فرانسىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەن. 1700-يىلى فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅩⅣنىڭ نەۋرىسى فىلىپ ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، فىلىپ Ⅴ دەپ ئاتىلىپ، بوربون سۇلالىسىنىڭ ئىسپانىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان.1735-يىلى ۋە 1748-يىلى فىلىپ Ⅴ نىڭ كىچىك ئوغلى نېئاپول پادىشاھلىقى ۋە پارما كىنەزلىكىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىگىلىۋالغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بوربون سۇلالىسىنىڭ ئىتالىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان. كېيىن ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدە نېئاپول پادىشاھلىقى ۋە پارما كىنەزلىكى 1859 — 1860-يىللىرى ساردىن پادىشاھلىقىغا قوشۇلۇپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن، بوربون سۇلالىسىنىڭ ئىتالىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلگەن. بوربون سۇلالىسىنىڭ ئىسپانىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقى 1931-يىلغىچە داۋاملاشقان.

بوردېت

  • بوردېت[يەشمىسى:]Jules Bordet، 1870 — 1961) بېلگىيە سېرلوگى ۋە ئىممۇنىتېتلوگى.1892-يىلى بريۇسسېل داشۆسىنىڭ مېدىتسىنا دوكتورى بولغان. 1894 — 1901-يىللىرى بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن پارىژدىكى باست تەتقىقات ئورنىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1901-يىلى بريۇسسېلنىڭ براجىن دېگەن جايدىكى باست تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1907-يىلدىن باشلاپ بريۇسسېل داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. باكتېرېئوفاگنىڭ رولى، باكتېرىيىنىڭ قان ئېرىتىش رولى، ئىممۇنىتېتلانغان ھايۋاناتلاردىكى قان زەرداب خاراكتېرى، قان زەردابىدىكى تولدۇرغۇچى تەنچىنىڭ مۇداپىئەلىنىش مۇقىملىقى، كۆكيۆتەل تاياقچە باكتېرىيىسى ۋە يۆتەل كېسەللىكىنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ تۆھپە ياراتقان. 1919-يىلى فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا كەسپى بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «ئىممۇنىتېت توغرىسىدا تەتقىقات»، «قان زەردابىنىڭ قېتىشىش نەزەرىيىسى»، «يۇقۇملىنىش ۋە ئىممۇنىتېت» قاتارلىق كىتابلارنى يازغان.

بوردېن

  • بوردېن[يەشمىسى:]Robert Laird Borden، 1854 — 1937). كانادانىڭ زۇڭلىسى (1911 — 1920)، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. ئادۋوكاتلىق قىلغان، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئەنگلىيە بىلەن بولغان بىرلەشمىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن ئەۋەتىپ، ئەنگلىيە بىلەن ماسلىشىپ ئۇرۇش قىلغان. 1919-يىلى كاناداغا ۋەكالىتەن پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. كېيىن كانادانىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقتا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، كانادا خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. «كانادانىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىيسى ئۈستىدە تەتقىقات»، «كانادانىڭ ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىكى ئورنى» دېگەن ئەسەرلىرى بار.

بورگۇندى مىراسى

  • بورگۇندى مىراسى[يەشمىسى:] «چارلېس»قا قاراڭ.

بورن

  • بورن[يەشمىسى:]Stephan Born، 1824 — 1898) گېرمانىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، ئىسلاھاتچى. ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپكى يىللىرى نابورچىك بولغان. 1846-يىلى ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقىغا قاتنىشىپ، ماركس ۋە ئېنگېلس بىلەن تونۇشقان، كېيىن ئۇلارنىڭ تەسىرى بىلەن كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 1848-يىلى گېرمانىيە ئىنقىلابى پارتلىغاندا، دۆلىتىگە قايتىپ كۈرەشكە قاتناشقان. 8-ئايدا بېرلىندا «ئىشچى بۇرادەرلەر جەمئىيىتى» نى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ژۇرنىلى «بۇرادەرلەر» نىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ تۈزگەن پروگرامما خاراكتېرلىك ھۈججەتلەردە «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» نىڭ تۈپ پرىنسىپلىرى ئۆزگەرتىلىپ، ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسى تەشۋىق قىلىنغان ھەمدە ئىشچىلار ھەرىكىتىنى سىياسىي كۈرەشتىن ئايرىپ، گېر- مانىيە ئىنقىلابىنىڭ تۈپكى ۋەزىپىسىدىن چەتلەشتۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنغان. 1849-يىلى 5-ئايدا درېسدېن قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن شۋېتسارىيىگە قېچىپ بارغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ئىشچىلار ھەرىكىتىدىن ئايرىلغان. «48 ياشلىق بىر ئادەمنىڭ ئەسلىمىسى» ناملىق كىتابى بار.

بورنۇ پادىشاھلىقى

  • بورنۇ پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]يەنى كانېمې-بورنۇ پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئافرىقىنىڭ چاد كۆلى رايونىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن Ⅷ، Ⅺ ئەسىرلەردە چاد كۆلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كانېم (Kanem) رايونىدا قۇرۇلۇپ، نجىمى (Njimi) شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. پادىشاھى مائى (Mai) دەپ ئاتالغان. Ⅺ ئەسىردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. Ⅻ ئەسىرگە كەلگەندە چاد كۆلى رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، غەربىي ئافرىقا، شىمالىي ئافرىقا بىلەن ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى كۈنسايىن كۈچەيگەن. ⅩⅢ ئەسىردە پادىشاھ جەمەتلىرى پارچىلىنىپ، ئۆزئارا قالايمىقان ئۇرۇشقان ھەمدە بۇلالا (Bulala) لىقلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. ⅪⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، چاد كۆلىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بورنۇ (Bornu)دا يېڭى پايتەخت نگازارگامۇ (Ngazargamu) نى بىنا قىلغان. ئىدرىس ئالوما تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (1571 — 1603)، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنى قايتىدىن گۈللەندۈرگەن. زېمىنى غەربتە ئېل ئېگىزلىكىدىن باشلىنىپ، شەرقتە كانىن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شىمالدا تىبېستى ئېگىزلىكىگىچە سوزۇلغان.ⅩⅦ ئەسىردە زاۋالغا يۈزلىنىشكە باشلاپ، بېقىندى جايلار ئارقا-ئارقىدىن ئايرىلىپ چىققان. 1808-يىلى فۇربىلار تاجاۋۇز قىلغان بولسىمۇ، كانېمى (Mahammad al - Amin al - kanemi، —? 1835) تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1893-يىلى راباخ تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيىلەر بۆلۈشۈۋالغان.

بورنېئو

  • بورنېئو[يەشمىسى:]Borneo) كالىمانتان ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ۋېنلەي ئەتراپىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ⅩⅢ ئەسىردە جۇڭگولۇق جاۋروشى يازغان «بەگلىكلەر تەزكىرىسى» دە خاتىرىلىنىشىچە، بۇ دۆلەتكە جەمئىي 14 ئايماق تەۋە بولۇپ، پايتەخت ئاھالىسى 10 مىڭغا يەتكەن. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مۇدجۇ پاخىت دۆلىتىگە بېقىنغان. كېيىن ئىسلام دىنى تارقىلىپ، ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مۇستەقىل بولۇپ، سۇلتانلىق دۆلەت قۇرغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ بېشىدا كۈچىيىپ، تەسىر دائىرىسى پۈتكۈل كالىمانتان ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمدە سۇلۇ تاقىم ئاراللىرىنى بېسىۋالغان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پادىشاھ جەمەتىنىڭ ئىچكى نىزالىرى تۈپەيلىدىن ئاجىزلىشىشقا باشلىغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى كۈچلىرى بېسىپ كىرگەن. ⅪⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەقەت ساراۋاك ۋە كالىمانتان ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمىلا قېپقالغان. 1888-يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. بورنىئو دۆلىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇق بولغان. مىلادى 977-يىلى (سۇڭ سۇلالىسى تەيپىڭ شىنگونىڭ 2-يىلى) ۋە 1082-يىلى (سۇڭ سۇلالىسى يۈەنفېڭنىڭ 5-يىلى) جۇڭگوغا ئىككى قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن.1370-يىلى (مىڭ سۇلالىسى خوڭۋۇنىڭ 3-يىلى) جۇڭگومۇ ئۇنىڭغا ئەلچى ئەۋەتكەن. 1405-يىلى (مىڭ سۇلالىسى يوڭلېنىڭ 3-يىلى) بورنىئونىڭ پادىشاھى مانارېكا ئائىلە-تاۋابىئات ۋە مۇلازىملىرىنى ئېلىپ جۇڭگوغا كەلگەن،1408-يىلى (مىڭ سۇلالىسى يوڭلېنىڭ 6-يىلى) كېسەلدىن ئۆلگەندە، مىڭ سۇلالىسى زور داغدۇغا بىلەن نەنجىڭدىكى ئەندېمېن دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا دەپنە قىلغان. 1412-يىلى (مىڭ سۇلالىسى يوڭلېنىڭ 10-يىلى) تەخت ۋارىسى جياۋاڭ جۇڭگوغا كېلىپ زىيارەتتە بولغان.

بورو بۇدۇر

  • بورو بۇدۇر[يەشمىسى:]Brobudur) مەنىسى «مىڭ بۇتلۇق مۇنار». ھىندۇنېزىيە يوگياكارتا شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىي تەرىپىدىكى شەھەر ئەتراپى رايونىغا جايلاشقان بۇددا دىنى بىناكارلىق قۇرۇلۇشى.مىلادى790—850-يىللاردا ئوتتۇرا ياۋادىكى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان سايلېندرا سۇلالىسى ياساتقان (بەزىلەر مىلادى Ⅷ ئەسىردە ياسالغان دەيدۇ). ئېگىزلىكى 42 مېتر. كېيىن يانار تاغنىڭ پارتلىشى بىلەن تەدرىجىي كۆمۈلۈپ قالغان. 1814-يىلى يېڭىباشتىن تېپىلغان. ھازىرقى ئېگىزلىكى 5.31 مېتر. پۈتكۈل قۇرۇلۇش تاشتىن قوپۇرۇلغان، ئىچى پۈتەي بۇددا مۇنارىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، تۆت چاسا شەكىللىك سۇپا ئۈستىگە سېلىنغان، سىرتقى شەكلى پەلەمپەيسىمان كونۇسقا ئوخشايدۇ. جەمئىي 10 قەۋەت. ئاستىنقى ئالتە قەۋىتى تۆت چاسا شەكىللىك بولۇپ، ئۇنىڭدا جەمئىي 432 دانە بۇت تەكچىسى بار، ھەربىر تەكچىدە بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭلۇقتىكى ئولتۇرغان بۇت ھەيكىلىدىن بىرى بار. ئۈستۈنكى ئۈچ قەۋىتى يۇمىلاق شەكىللىك بولۇپ، جەمئىي 72 كىچىك مۇنار بار. ھەربىر مۇنارنىڭ ئىچىگە بىردىن بۇددا ھەيكىلى قويۇلغان؛ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتى دىئامېترى 9.9 مېتر كېلىدىغان قوڭغۇراق شەكىللىك چوڭ مۇناردىن ئىبارەت. ھەربىر تەرىپىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىدىغان تاش پەلەمپەي بار. بىرىنچى قەۋەتتىن بەشىنچى قەۋەتكىچە كارىدور تېمىغا بۇددانىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر قاتارلىق ئويما سۈرەتلەر ۋە بۇددا سۈرەتلىرىدىن 2100 پارچىدىن ئارتۇق ئويۇلغان بولۇپ، «دايې يىللىرىدا رەتلەنگەن قىسىملىق سۇترا»، «لىتاۋستارا سۇترا»، «بۇددانىڭ يارالمىشى» قاتارلىق چوڭ بۇددا كلاسسىك كىتابلىرىدىن ئېلىنغان. ئۇ بۇددا دىنىنىڭ دۇنياغا داڭلىق تاش ئويما سەنئەت خەزىنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1973 — 1982-يىللىرى ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ياردىمىدە رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

بورودىنو جېڭى

  • بورودىنو جېڭى[يەشمىسى:]1812-يىلىدىكى روسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ جەڭنىڭ بىرى. 1812-يىلى روسىيە ئارمىيىسى سىمولېنىسكىنى قولدىن بېرىپ قويغاندىن كېيىن موسكۋاغا چېكىنگەن. فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى روسىيە ئارمىيىسىنى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇرلىغان. شۇ يىلى، يەنە رۇس كالېندارى بويىچە 8-ئاينىڭ 24-كۈنى (مىلادى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى) فرانسىيە ئارمىيىسى كەسكىن جەڭ ئارقىلىق موسكۋا شەھىرىگە قىستاپ كەلگەن.8-ئاينىڭ 26-كۈنى (مىلادى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى) تاڭ سۈزۈلگەندە كوتوزۇۋ قوماندانلىقىدىكى روسىيە ئارمىيىسى موسكۋانىڭ غەربىگە 124 كىلومېتر كېلىدىغان بورودىنو يېزىسىنىڭ ئەتراپىنى تاللاپ، ناپولېئون Ⅰ قوماندانلىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسىنى توسۇغان. ئىككى تەرەپ قاتتىق ئېلىشقان. نەتىجىدە، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى ئۆلگەن، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ 44 مىڭ ئادىمى ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان. شۇ قېتىمكى ئۇرۇشتىن كېيىن روسىيە ئارمىيىسى دەرھال چېكىنىپ، موسكۋا شەھىرىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن.

بورىسⅠ

  • بورىسⅠ[يەشمىسى:]Борие Ⅰ، ؟—907) بۇلغارىيە كىنەزى(852—889)، تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، ماكېدونىيە زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى ۋە سېربىيە زېمىنىنىڭ بىر قىسمىنى بىرىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقى زېمىنىغا قوشۇۋالغان. تەخمىنەن مىلادى 865-يىلى خرىستىئان دىنى (پراۋوسلاۋىيە)نى دۆلەت دىنى قىلىپ تىكلىگەن، 870-يىلى بۇلغارىيىنىڭ ۋىزانتىيىدىن مۇستەقىل بولغان ئارخېئېپىسكوپ رايونىنى قۇرغان ھەمدە كۆپ خۇدالىق دىنغا ئېتىقاد قىلغان چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنى دەھشەتلىك باستۇرغان. 889-يىلى ئۆز ئورنىنى چوڭ ئوغلى ۋىلادىمىر (Владимир) غا بوشىتىپ بېرىپ، موناستىرغا كىرىۋالغان. 893-يىلى قايتا تەختكە چىقىپ، ۋىلادىمىرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شۇ يىلى ئۈچىنچى ئوغلى سىمىڭنى تەختكە چىقارغان. كېيىن موناستىردا ئۆلۈپ كەتكەن. 

بورىس گودۇنوۋ

  • بورىس گودۇنوۋ[يەشمىسى:]Борис Годунов، تەخمىنەن 1552 — 1605) روسىيە پادىشاھى (1598 — 1605). ريورىك سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى چار پادىشاھ فيودور ئىۋانوۋىچنىڭ (Фёдор Иванович، 1584 — 1598-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان، ئىۋان Ⅳ نىڭ ئوغلى) قېيىن ئاغىسى. فيودور تەختتە ئولتۇرغان ئاخىرقى يىللىرى ئەمەلىيەتتە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى تۇتقان. فيودور ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسى بولمىغانلىقتىن، ئوتتۇرا-كىچىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئاقسۆڭەكلەر يىغىنىدا چار پادىشاھ بولۇپ سايلانغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى ئىۋان Ⅳ نىڭ دۆلەت ھوقۇقىنى كۈچەيتىش سىياسەتلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، چوڭ فېئودال-ئاقسۆڭەكلەرنى بېسىپ، ئوتتۇرا-كىچىك ئاقسۆڭەكلەرنى قوللىغان، شۇنىڭدەك قېچىپ كەتكەن دېھقانلارنى ياندۇرۇپ كېلىش ۋە «قەرزدار دېھقانلارنى» قۇل قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق پەرمانلارنى چۈشۈرگەن. بۇ ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ⅩⅦ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى بىر قاتار دېھقانلار قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كۆپ قېتىم ئەسكەر چىقىرىپ، خلوپكو قاتارلىق دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. سىرتقا قارىتا، دېڭىزدىن چىقىش ئېغىزىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، 1590-يىلى شۋېتسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، 1595-يىلى سۈلھ شەرتنامىسى تۈزگەن. لىۋونىيە ئۇرۇشىدا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان فىنلاندىيە قولتۇقى بويلىرى ھەمدە لادوژكا كۆلى بويىدىكى يەرلەرنى قايتۇرۇۋالغان. 1604-يىلى پولشا ريورىك سۇلالىسىنىڭ ۋارىسى دمىترىي (Дмитрий، ئىۋان Ⅳنىڭ كىچىك ئوغلى) نىڭ ئۆلۈمىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، بىرتىران (ساختا دمىترىي Ⅰ) نىڭ قوشۇن تارتىپ پادىشاھلىق ئورۇننى تارتىۋېلىشىنى قوللىغان ھەمدە روسىيىنىڭ ئىچكى قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1605-يىلى 4-ئايدا بورىس گودونوۋ ھاكىمىيىتى موسكۋا شەھەر ئاھالىلىرى قوزغىلىڭىدا ئاغدۇرۇلغان. 

بورىنوت

  • بورىنوت[يەشمىسى:]John George Bourinot، 1857 — 1902) كانادالىق تارىخشۇناس. تورونتو بىرىنچى مارت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. «خالىفاكىس باشلامچىلار گېزىتى» نى نەشىر قىلغان ۋە ئۇنىڭ باش تەھرىرى بولغان. كانادا پارلامېنتىنىڭ كاتىپى، پادىشاھلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. «كانادا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى»، «ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى كانادا»، «كانادا ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيىتى تارىخى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

بوزۋېلى

  • بوزۋېلى[يەشمىسى:] )Неофит Бозвели، 1785 — 1848). بۇلغارىيىدىكى چېركاۋ ئاپتونومىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، يازغۇچى. 1839-يىلى تىرنوۋودىكى گرېتسىيىلىك ئارخېئېپىسكوپقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئارخېئېپىسكوپلۇققا سايلانغان. كونستانتىنوپولدىكى باش ئېپىسكوپنىڭ تۆھمەت چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىشىغا ئۇچراپ، 1841-يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ھىلىندار موناستىرىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1844-يىلى قېچىپ چىقىپ، كونستانتىنوپولدا گرېتسىيىلىك يۇقىرى قاتلام مىسسىئونېرلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، بۇلغارىيىدىكى ھەرقايسى دىن رايونلىرىنىڭ ئارخېئېپىسكوپلۇقىنى بۇلغارىيىلىكلەر ئۈستىگە ئېلىشنى، كونستانتىنوپولېدا چېركاۋ ۋەكىلى تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، نەتىجىسى بولمىغان. ئۇ تۈركىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاندس تېغىغا سۈرگۈن قىلىنىپ، ئۆلگىچە شۇ يەردە تۇرغان. 

بوسپور پادىشاھلىقى

  • بوسپور پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]«سىممېرىلارنىڭ بوسپورى (Cimmerian Bosporus)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ ئەتراپنىڭ قەدىمكى ئاھالىسى سىممېرىلار (Cimmerii) ئىكەن. تەخمىنەن مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى ئاركا ئاناكتىدې (Archaeanactidae) جەمەتى دۆلەت قۇرۇپ، پانتىكا پېئۇم (Panticapaeum، ھازىرقى ئوكرائىنانىڭ كېرىچ شەھىرى) نى پايتەخت قىلغان. ئاھالىسى ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، قول سانائەت بۇيۇملىرىمۇ ئالاھىدە ئۇسلۇبقا ئىگە بولغان. دەسلەپكى مەزگىلدە قەدىمكى يۇناننىڭ بەزى شەھەر دۆلەتلىرى بىلەن سودا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا يۇناننىڭ قول سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى تېگىشكەن. ئۇنىڭ مەدەنىيىتىمۇ يۇناننىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، بۇ دۆلەت كۈچىيىپ، زېمىنى ھازىرقى تامان، كېرىچ يېرىم ئاراللىرىنى ۋە فىئودوسىيە قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرگىچە زاۋالغا يۈزلىنىشكە باشلىغان. ئۇنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى پائېرىسادېس Ⅴ (Paerisades Ⅴ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرى) ھاكىمىيەتنى پونتوس پادىشاھلىقىنىڭ شاھى مىترىدات Ⅵ گە ئۆتۈنۈپ بېرىپ، سائۇماكوس باشچىلىقىدىكى قۇللار قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن، پادىشاھلىق پونتوسنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردە پونتوس پادىشاھلىقى مۇنقەرز بولۇپ، بوسپورۇس رىمغا تەۋە بولغان. مىلادى Ⅰ ئەسىردىن Ⅲ ئەسىرگىچە بوسپورۇس يەنە گۈللىنىپ، قوشنا رايونلار بىلەن كەڭ سودا قىلىشقان، بولۇپمۇ سارماتالىقلار بىلەن ئالاقىسى زىچ بولغان. Ⅲ ئەسىردىن باشلاپ، شىمالدىكى قەبىلىلەر ئۈزلۈكسىز تاجاۋۇز قىلىپ، شەھەر ئىگىلىكىنى ۋەيران قىلغان. تەخمىنەن 370-يىلى غەربكە كۆچكەن ھونلار تەرىپىدىن يوق قىلىنغان. يېقىنقى زامان ئارخېئولوگلىرى بۇ رايوندىن نۇرغۇنلىغان تارىخىي يادىكارلىقلار ۋە بۇيۇملارنى تاپقان. 

بوستوندىكى چاي پارتىيىسى ۋەقەسى

  • بوستوندىكى چاي پارتىيىسى ۋەقەسى[يەشمىسى:]بوستوندىكى چاي تۆكۈش ۋەقەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىمالىي ئامېرىكىدىكى بوستون خەلقىنىڭ ئەنگلىيە قۇرغان شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ چاي سودىسىنى مونوپول قىلىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇش ۋەقەسى. 1771-يىلى 4-ئايدا بوستون خەلقىنىڭ قەتئىي قارشىلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا ئەنگلىيە «توۋىسېند نىزامى»نى بىكار قىلغان. 1773-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى شەرقىي ھىندىستان شىركىتىى قۇتقۇزۇش نىزامىنى ماقۇللاپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ چاي توشۇپ سېتىش ھوقۇقىنى مونوپول قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى بەلگىلەپ، خەلقنىڭ خۇسۇسىيلاردىن چاي سېتىۋېلىشنى مەنئى قىلغان. نيۇ-يورك، فىلادېلفىيە ۋە چارلېستون خەلقى چاي يۆتكەشنى رەت قىلغان، سامول ئادامىس قاتارلىق كىشىلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە بوستون چاي پارتىيىسى تەشكىللەنگەن. 1773-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى كېچىسى ئەنگلىيىگە قارشى ئامما مەزكۇر پارتىيىنىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا ئىندىئانچە ياسىنىپ شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ئۈچ كېمىسىدىكى 312 ساندۇق چاينى دېڭىزغا تۆكۈۋەتكەن. ئەنگلىيە پورتنى قامال قىلىش ۋە «مەجبۇرلاش بۇيرۇقى» چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۆچ ئالغان. بۇ ئەھۋال خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغاپ، ئىككىنچى يىلى تۇنجى قېتىملىق چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى ئېچىلغان. 

بوستون قانلىق ۋەقەسى

  • بوستون قانلىق ۋەقەسى[يەشمىسى:] 1770-يىلى 3-ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيىسى شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىسى بوستون خەلقىنى قىرغىن قىلغان قانلىق ۋەقە. 1765-يىلى ئەنگلىيە ئەسكەر تۇرغۇزۇش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بوستون ئاممىسى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان. 1770-يىلى 1-ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئەنگلىيىگە قارشى «ئەركىنلىك ئوغلانلىرى جەمئىيىتى» بىلەن توقۇنۇشۇپ، خەلقتىن بىر ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، بىرقانچىسى يارىدار قىلىنغان. 2-ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيىسى سەۋەبسىزلا ئوق چىقىرىپ بىر كىچىك بالىنى ئۆلتۈرگەن. 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسى شاگىرتلارنى ھاقارەتلەپ، قايتا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن لېيتېنانت پولىستون ئاممىغا ئوق چىقىرىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بەش ئادەمنى ئۆلتۈرگەن (ئۆلگەنلەر ئىچىدە بىر نېگىرمۇ بار)، بىرقانچە ئادەمنى يارىدار قىلىپ قانلىق ۋەقە تۇغدۇرغان. 3-ئاينىڭ 6-كۈنى پۈتۈن شەھەردىكى ئاھالىلەر يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ زوراۋانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئارمىيىنى چېكىندۈرۈپ كېتىش، قاتىللارنى جازالاش قاتارلىق تەلەپلەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. قانلىق ۋەقە ئىنقىلاب تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە خېلى چوڭ رول ئوينىغان.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا قوزغىلىڭى

  • بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]1875-يىلى بوسنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنا خەلقىنىڭ تۈركىيىنىڭ فېئوداللىق زۇلمىغا ۋە مىللىي ئاسارەتكە قارشى قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭغا دېھقانلار، شەھەر قول سانائەتچىلىرى، سودا بۇرژۇئازىيىسى ۋە زىيالىيلار قاتناشقان. يەرنى دېھقانلارغا تەقسىم قىلىش، دۆلەت سىياسىتىنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا بىلەن سېربىيە ۋە مونتېنېگرۇلارنىڭ بىرلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ يىلى 10-ئايدا قوزغىلاڭچىلار گلادىسكادا ئازادلىق باش كومىتېتىنى قۇرغان. 1876-يىلى 6-ئايدا سېربىيە ۋە مونتېنېگرونىڭ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشى پارتلىغان، 11-ئايدا ئۇرۇش توختىغاندىن كېيىن قوزغىلاڭ يەنە داۋاملىق تەرەققىي قىلغان. 1877-يىلى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى پارتلاپ قوزغىلاڭچىلار كۆپ قېتىم كۈرەش قىلغان، شۇ يىلى 8-ئايدا قوراللىق قوزغىلاڭچىلارنىڭ زور بىر تارمىقى بوسنىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا تۈركىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان. 1878-يىلى بېرلىن يىغىنىدا بوسنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنانىڭ ئاۋسترىيە ھەم ۋېنگرىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىشغال قىلىشى قارار قىلىنغان. 

بوسۇن ئوكيا

  • بوسۇن ئوكيا[يەشمىسى:]1716—1783). ياپونىيە ئېدونىڭ كېيىنكى دەۋرىدىكى شائىر، رەسسام. سېتتسۇ ۋىلايىتىدە (ھازىر ئوساكاغا قارايدۇ) تۇغۇلغان. ئەسلى فامىلىسى تانىگۇچى ئىدى، كېيىن ئاپىسىنىڭ تۇغۇلغان جايىنى فامىلە قىلغان. ياش ۋاقتىدا ئېدوغا بېرىپ خەتتاتلىق، رەسساملىق ۋە شېئىر يېزىشنى ئۆگەنگەن، شىمالىي رايونغا بېرىپ ساياھەت قىلغان. 1751-يىلى كىيوتودا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇنىڭ شېئىر ۋە رەسىملىرىدە خاسلىق گەۋدىلەنگەن. ئۇنىڭ رەسىملىرى ئىكېئۇكى تارا (1723 — 1776) بىلەن ئوخشاش داڭق چىقارغان. ئۇلار بىرلىشىپ «ئون ئەرزان سۈرىتى» نى سىزغان. قىسقا شېئىرلارنى يېزىشتا ماتسو باشو ئەنئەنىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئامائاكې (1781 — 1789) نىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەڭ داڭلىق يازغۇچى بولۇپ قالغان. ئۇ يازغان «باھار شامىلىدىكى توغان كۈيى» كېيىنكى يېڭى شېئىر شەكلىگە باشلامچى بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كېيىن «بوسۇن ئەسەرلىرى» گە كىرگۈزۈلگەن.

بوسې

  • بوسې[يەشمىسى:]Subhas Chandra Bose، 1897 — 1945)، ھىندىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئەربابى. كالكوتتا داشۆسى بىلەن ئەنگلىيىنىڭ كېمبرىج داشۆسىدە ئوقۇغان。 1920-يىلى لوندوندا ھىندىستان مەمۇرىي ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. شۇ يىلى ھىندىستانغا قايتىپ كېلىپ ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1927-يىلى ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ بېنگالدىكى تەشكىلاتىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1929-يىلى 11-ئايدا جاۋاھەرلال بېنھرو بىلەن بىرلىكتە، خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ ئىچىدە ھىندىستان مۇستەقىللىك ئىتتىپاقىنى ئۇيۇشتۇرغان. 1938-يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان؛ 1939-يىلى قايتا سايلانغان بولسىمۇ، ئىستېپا بېرىپ يېڭى پارتىيە، يەنى «ئالغا بېسىش ئىتتىپاقى» نى قۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە ۋە ياپونىيە فاشىستلىرىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان. 1943-يىلى 10-ئايدا سىنگاپوردا ياپون ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان ھىندىستان ئەسكەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن «ھىندىستان مىللىي ئارمىيىسى» نىڭ قوماندانى بولغان ھەمدە «ئەركىن ھىندىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نى قۇرغان. ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىكىنى ياپونىيىنىڭ قوللىشىدىن پايدىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش خام خىيالىنى قىلىپ، مەغلۇپ بولغان. 1945-يىلى 8-ئايدا ئايروپىلان ۋەقەسىگە ئۇچراپ ئۆلگەن. «ھىندىستاندا 1920 — 1934- يىللاردا بولغان كۈرەشلەر» دېگەن ئەسىرى بار.

بوكاسو Giovanni Boccaccio)

  • بوكاسو Giovanni Boccaccio)[يەشمىسى:]، 1313 — 1375)ئىتالىيە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى يازغۇچى. گۇمانىست، پارىژدا تۇغۇلغان. ئاتىسى فلورېنسىيىلىك سودىگەر. 1330-يىلى ئاتىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن نېئاپولغا قانۇن ئۆگىنىشكە بارغان. نېئاپول كورۇلى روبېرت (ئانژۇلۇق) (Robert d Anjou، 1309 — 1343-يىللار تەختتە ئولتۇرغان) ۋە بەزى ئوردا شائىرلىرى بىلەن يېقىنلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشكەن. بۇ ئارىلىقتا پادىشاھنىڭ نىكاھسىز تۇغۇلغان قىزى مارىيە بىلەن مۇھەببەت باغلىغان ھەمدە ئۇنىڭ ئۆزگەرتكەن ئىسمى فيامىدا (Fiammetta) ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىنىپ، دانتې بىلەن پېتېرلاقنىڭ ئەسەرلىرىدىكى بىياتېلىس ۋە لاۋراغا ئوخشاپ كەتكەن. تەخمىنەن 1340-يىلى نېئاپولدىن فلورېنسىيە جۇمھۇرىيىتىگە قايتىپ كېلىپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى پائال ھىمايە قىلغان ھەمدە كۆپ قېتىم مۇھىم دىپلوماتىيە ۋەزىپىلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن «فروكلو» ناملىق رومانى، «فرونلاتو»، «تېسايدا» ناملىق داستانلىرى، «فېيامىدا» ناملىق پوۋېستى بار. يۈز پارچە ھېكايىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئون كۈنلۈك سۆھبەت» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا كاتولىك مىسسىئونېرلىرىنىڭ ساختىپەزلىكى ۋە ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇشى ئۆتكۈر مەسخىرە قىلىنغان، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ رەھىمسىزلىكى ئەيىبلەنگەن، گۇمانىزملىق دۇنيا قارىشى تەرغىپ قىلىنغان. لېكىن بەزى ۋەقەلىكلەر چاكىنا بولغان. 

بوكاگې

  • بوكاگې[يەشمىسى:]Manuel Maria Barbosadu Bocage، 1765 — 1805). پورتۇگالىيىلىك شائىر. ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 14 يېشىدا ئارمىيىگە قاتنىشىپ، 16 يېشىدا دېڭىز ئارمىيىسىگە يۆتكەلگەن. لىسسابون پادىشاھلىق دېڭىز ئارمىيە شۆيۈەنىدە ئوقۇغان چېغىدىلا شېئىرىيەتنى قىزغىن سۆيگەن.1786-يىلى ھىندىستانغا ئەۋەتىلىپ، كاپىتان بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئاۋمىنغا قېچىپ كەتكەن.1790-يىلى لىسسابونغا قايتىپ كەلگەن. كېيىن «يېڭى ئاركادىيە» ئەدەبىيات تەشكىلاتىغا كىرگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن چىقىرىۋېتىلگەن. كېيىن ئۇ فرانسىيە ئىنقىلابىنى قوللىغانلىقتىن، 1797-يىلى جۇمھۇرىيەتچىلىك ۋە ئاتېئىزمنى تەشۋىق قىلدى دەپ ئەيىبلىنىپ، تۈرمىگە سولانغان. دىنىي ھوقۇقچىلىق ۋە مۇستەبىتلىك تۈزۈمگە قارشى شېئىرلاردىن «قورقۇنچلۇق مەڭگۈلۈك خام خىيال»، «ئۆچ ئېلىشنىڭ ئازابى» نى يازغان. ھايات ۋاقتىدا ئۈچ توملۇق «شېئىرلار توپلىمى» نەشىر قىلىنغان. 

بوگدان

  • بوگدان[يەشمىسى:]Bogdan، ؟ —1365) مولداۋىيە كىنەزلىكىنىڭ تۇنجى كىنەزى (1359 — 1365). 1359-يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ھامىي دۆلەت ۋېنگرىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، مۇستەقىل مولداۋىيە كىنەزلىكىنى قۇرغان. تېررىتورىيىسى غەربتىن كارپات تاغلىرىدىن باشلىنىپ، شەرقتىن دېنىستر دەرياسىغىچە سوزۇلغان. 1364 — 1365-يىللىرى ۋېنگرىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. 

بوگدان

  • بوگدان[يەشمىسى:]Ioan Bogdan، 1864 — 1919)، رومىنىيىلىك تارىخشۇناس، سلاۋىيان تىلشۇناس. ياش ۋاقتىدا ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىدە ۋە گېرمانىيىدە ئوقۇغان، كېيىن روسىيىدە سلاۋىيانچىلىقنى تەتقىق قىلغان. 1891-يىلىدىن باشلاپ بۇخارېست داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان ھەمدە رومىنىيىدە تۇنجى سلاۋىيان تىلشۇناسلىقى لېكسىيىسىنى ئېچىپ، ئۆزى باش لېكتور بولغان. ئۇ سلاۋىيانلارنىڭ رومىنىيە ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە كۆرسەتكەن تەسىرى مەسىلىسىنى شەرھلەپ، بىر يۈرۈش تارىخىي ھۈججەتلەرنى رەتلەپ ئېلان قىلغان. ئاساسلىق ئەسىرى «ئوتتۇرا ئەسىر سلاۋىيانلىرى ھەققىدىكى ھۈججەتلەر تەتقىقاتى» (بوراسوۋ شەھىرىنىڭ ھۈججەتلىرى، چوڭ كىنەز ستېفاننىڭ ھۈججەتلىرى قاتارلىقلار)، «سلاۋىيان يىلنامىسى»، «ماراسوننىڭ بۇلغارىيە يىلنامىسى» قاتارلىقلار بار.

بوگومىلچىلەر

  • بوگومىلچىلەر[يەشمىسى:]Ⅹ ئەسىردىن ⅩⅣ ئەسىرگىچە بالقان يېرىم ئارىلىدا تارقالغان خرىستىئان بىدئەتلىرى، ئادەتتە ئاساسچىسى بولغان مىسسىئونېر بوگومىلنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان دەپ قارىلىدۇ. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بۇلغارىيىدە پەيدا بولغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سېربىيە، بوسىنىيە ۋە ۋىزانتىيىلەرگە تارقالغان. ئۇنىڭغا ئاساسەن دېھقانلار قاتناشقان. پائولچىلار ۋە مانى دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن، ئىككى مەنبەچىلىك تەرەپدارى بولۇپ، دۇنيادا ياخشىلىق بىلەن يامانلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل مەنبە مەۋجۇت، جەننەت بىلەن ئادەمنىڭ روھى — ياخشىلىق مەنبەسى، پانىي دۇنيا ۋە ئادەمنىڭ جىسمى بولسا، يامانلىق مەنبەسى، بۇ ئىككى خىل مەنبە بىر-بىرىگە قارشى كۈرەش قىلىشىپ تۇرىدۇ، ئاخىرقى ھېسابتا ياخشىلىق يامانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ مەزھەپتىكىلەر ئەنئەنىۋى خرىستىئان چېركاۋىنىڭ مەرتىۋە تۈزۈمىگە ۋە بۇتقا چوقۇنۇشقا، چېركاۋنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى خرىستىئان دىنى كوممۇناسى يولغا قويغان ئومۇميۈزلۈك باراۋەرلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. نۇرغۇن مۇرىتلىرى ئۆز دۆلىتىدىكى فېئودال ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ۋە چەت ئەللىك ئەزگۈچىلەرگە قارشى كۈرەشكە پائال قاتناشقان. ⅪⅤ ئەسىردە تۈركلەر بالقان يېرىم ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، پەيدىنپەي يوقالغان. ئۇلارنىڭ تەشەببۇسلىرى غەربىي ياۋروپادىكى بەزى بىدئەتلەرگە، يەنى پاكلاشتۇرغۇچىلارغا مەلۇم تەسىر كۆرسەتكەن.

بوگسىك

  • بوگسىك[يەشمىسى:]Baljtazar Bogsic 1834 — 1908) كرودىيىلىك ئالىم، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى. 1869 — 1870-يىللىرى ئودېسسا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1893 — 1899-يىللىرى مونتېنېگرونىڭ ئەدلىيە ۋەزىرى بولغان. 1872-يىلى مونتېنېگرو ھەق تەلەپ قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، قانۇن تۈزۈش ئۈچۈن ئادەت قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ماتېرىيال توپلىغان. ئۇنىڭ ئائىلە، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە ئىجتىمائىي ئۆرپ-ئادەت جەھەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرى سلاۋىيان ئىلىم تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن. بىراق ئۆرپ-ئادەت قانۇنىنى بايان قىلىش ۋاقتىدا يېزىلاردىكى سىنىپلارغا ئايرىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادەت قانۇنى ئۆزگىرىشىگە سەل قارىغان. 

بولشېۋىزم

  • بولشېۋىزم[يەشمىسى:]ماركسىزم نەزەرىيىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بىر خىل سىياسىي پىكىر ئېقىمى. 1903-يىل 7-ئايدا، روسىيە سوتسىئال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى 2-قۇرۇلتىيى پارتىيە پروگراممىسى ھەم پارتىيە نىزامنامىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىش ۋاقتىدا لېنىن باشچىلىقىدىكى ماركسىزمچىلار مارتوۋ باشچىلىقىدىكى ئاغمىچىلار بىلەن كۈرەش ئېلىپ بارغان. پارتىيىنىڭ مەركىزىي ئورگىنىنى سايلاش ۋاقتىدا لېنىننى ياقلىغۇچى ئىنقىلابچىلار كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ بولشېۋىكلار (رۇسچە «Большевик»نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، كۆپ سانلىقلار دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغان. لېنىنغا قارشى تۇرىدىغان ئاغمىچىلار ئاز سانلىق بولغاچقا مېنشېۋىكلار (رۇسچە «Меньшевик»نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، ئاز سانلىقلار دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغان. بولشېۋىكلار لېنىن رەھبەرلىكىدە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سىنىپىي دۈشمەنلەر ھەم 2-ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئاغمىچىلىق لۇشيەنى بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا، ماركسىزمنىڭ پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ۋە پرولېتارىيات دېكتاتۇرىسى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسى ۋە تاكتىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ماركسىزمنى لېنىنىزم باسقۇچىغا كۆتۈرگەن. ستالىن: «بولشېۋىزم بىلەن لېنىنىزم ماھىيەتتە ئوخشاش. بۇ ئوخشاش بىر نەرسىنىڭ ئىككى نامى» دېگەنىدى («ستالىن ئەسەرلىرى» خەلق نەشرىياتىنىڭ 1956-يىل خەنزۇچە نەشرى، 6-توم، 306-بەت ). 

بولشېۋىك

  • بولشېۋىك[يەشمىسى:]رۇسچە Большевик نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، كۆپ سانلىقلار دېگەن مەنىدە. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ 2-قۇرۇلتىيى پارتىيە پروگراممىسى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى بېكىتىش ۋاقتىدا لېنىن باشچىلىقىدىكى ماركسىزمچىلار مارتوۋ قاتارلىق ئاغمىچىلار بىلەن جىددىي كۈرەش ئېلىپ بېرىپ پارتىيىنىڭ مەركىزىي رەھبەرلىك ئورگىنى ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىشتا كۆپ سانغا ئىگە بولغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. پارتىيىنىڭ 1912-يىلدىكى 6-سانلىق يىغىنىدا مېنشېۋىكلار تازىلاپ چىقىرىلىپ، مۇستەقىل پرولېتارىيات پارتىيىسىگە ئايلانغان.

بولوتنىكوۋ قوزغىلىڭى

  • بولوتنىكوۋ قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] 1606 — 1607-يىللىرىدىكى روسىيە دېھقانلىرىنىڭ چار پادىشاھىنىڭ فېئودال مۇستەبىت تۈزۈمىگە قارشى قوزغىلىڭى. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرى، روسىيە فېئوداللىرىنىڭ زۇلمى ئېغىرلاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە 1601 — 1603-يىللىرى ئارقا-ئارقىدىن ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، ئاشلىق باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، خەلقنىڭ كۈنى ئېغىرلىشىپ، سىنىپىي كۈرەش ئۆتكۈرلىشىپ، پۈتۈن روسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغان. 1606-يىلى يازدا، يانچىدىن كېلىپ چىققان بولوتنىكوۋ (Иван Исаевич Болотников، ؟ — 1608) غەربىي جەنۇبتىكى دېھقانلار، يانچىلار ۋە كازاكلارنىڭ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. تارقاتقان ئېلاندا شەھەر ئاھالىسىنى «ئاقسۆڭەكلەر ۋە بارلىق سودىگەرلەرنى ئۆلتۈرۈش» كە چاقىرغان؛ دېھقانلارنى، فېئوداللارنى قاتتىق جازالاپ، يەرلەرنى تارتىۋېلىپ، فېئوداللىق قۇل قىلىشنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان، شۇنىڭدەك «ئادىل پادىشاھ» كېرەك دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. قوزغىلاڭغا شەھەردىكى تۆۋەن قاتلامدىكى خەلق بىلەن ئەسكەرلەر بەس-بەستە قاتناشقان. قوزغىلاڭ ئارمىيىسى پوتۋورىدىن يولغا چىقىپ كرومېدا چار پادىشاھ ۋاسلىي شويىسكىنىڭ ئارمىيىسىنى يېڭىپ، 70 نەچچە شەھەرنى تارتىۋالغان. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى موسكۋانى قورشىۋېلىپ، فېئوداللىق ھاكىمىيەتنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن. لېكىن موسكۋاغا يۈرۈش قىلغاندا بىر قىسىم پومېشچىك، ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەر قوشۇنغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، قوزغىلاڭچى ئارمىيىنىڭ تەركىبىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەن. 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، دەل چار پادىشاھنىڭ ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە قوزغىلاڭچى ئارمىيىنىڭ ئىچىدىكى كىچىك ئاقسۆڭەك پاكوۋ باشچىلىقىدىكى قوشۇن ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن قوزغىلاڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، قوزغىلاڭچى ئارمىيە كالۇگاغا چېكىنگەن. 1607-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرى، قوزغىلاڭچى ئارمىيە قورشاپ ھۇجۇم قىلغان چار پادىشاھىنىڭ ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ تۇلا (Тула) شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. چار پادىشاھ نۇرغۇن قوشۇن توپلاپ تۇلا شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغان. شەھەرگە قامىلىپ قالغان قوزغىلاڭچىلار تۆت ئايغىچە باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن، ئاخىرى چار پادىشاھ ئارمىيىسى توسما ياساپ، شەھەرنى كەلكۈن سۈيى بىلەن باستۇرۇۋېتىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى ئوزۇق-تۈلۈكتىن ئۈزۈپ، ياردەمچى قوشۇندىن مەھرۇم قىلغاچقا قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. بولوتنىكوۋ ئەسىرگە چۈشۈپ، سۈرگۈن داۋامىدا قەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. 

بولۋىيىنىڭ 1952-يىلىدىكى ئىنقىلابى

  • بولۋىيىنىڭ 1952-يىلىدىكى ئىنقىلابى[يەشمىسى:]بولۋىيە خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابىي ھەرىكىتى. 1951-يىلى 5-ئايدا، مىللىي ئىنقىلابىي ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ۋىكتور پاز ئېستېنسورو (Vivtor Paz Estenssoro، 1907 — ) كانلارنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈش، يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق شوئارلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلغان، لېكىن ھەربىي تەرەپ بۇ سايلامنى ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە ھەربىي ئىستىبداتلىق ھۆكۈمرانلىقنى يۈرگۈزگەن. ئىككىنچى يىلى 4-ئايدا مىللىي ئىنقىلابىي ھەرىكەت پارتىيىسى خەلق قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ غەلىبە قازانغان، چەت ئەلدە قېچىپ يۈرگەن پازئېستېنسورو دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ، زۇڭتۇڭ بولۇپ، فېئودال يېزا ئىگىلىكى ئۈستىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارغان ۋە ئىچكى-تاشقى جەھەتتە مونوپول كاپىتالىنىڭ مىللىي بايلىقىنى كونترول قىلىۋېلىشىغا خاتىمە بەرگەن. بۇ قېتىمقى ئىنقىلاب فېئودال قورۇق ئىگىلىرى ۋە ئىچكى-تاشقى مونوپول كاپىتالغا مەلۇم دەرىجىدە زەربە بەرگەن. 

بولۇگنا دىنىي شەرتنامىسى

  • بولۇگنا دىنىي شەرتنامىسى[يەشمىسى:]فرانسىيە فرانسوس Ⅰ بىلەن پاپالېئو Ⅹ (Leo، 1513 — 1521-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) 1516-يىل 8-ئاينىڭ 18-كۈنى بولوگنادا (Bologna، شىمالىي ئىتالىيىدە) تۈزگەن دىنىي شەرتنامە. بۇ شەرتنامىدە: فرانسىيىنىڭ باش ئېپىسكوپ، ئېپىسكوپ قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك روھانىي خادىملار كورۇلى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، فرانسىيە چېركاۋى كىرىمىنىڭ كۆپ قىسمى كورۇل ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. فرانسىيە كورۇلىمۇ پاپاغا بەزى مەسىلىلەردە يول قويغان. مەسىلەن، شەرتنامىدە تىلغا ئېلىنغان دىنىي يىغىنىنىڭ ھوقۇقى (بەزىلەر دىنىي يىغىنىنىڭ ھوقۇقى پاپانىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان) مەسىلىسىدە، پاپا فرانسىيە چېركاۋىنى كىرىمىنىڭ بىر قىسمىغا ئىگە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. فرانسوس Ⅰ فرانسىيە دىنىي جەمئىيىتىنى كونترول قىلىۋېلىپ، ئۇنى ئىستىبداتلىق پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇۋالغان.1682-يىلى بۇ شەرتنامە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 

بۇلغارلار

  • بۇلغارلار[يەشمىسى:] تۈركىي مىللەتلىرىگە مەنسۇپ قەبىلىلەر توپى. بۇرۇن ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىمى ۋادىسىغا تارقالغان. مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ئاۋارلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن، بىر قىسىم بۇلغارلار ئاسپارۇخنىڭ باشلامچىلىقىدا دوبرودژا ئەتراپلىرىغا يۆتكىلىپ، ھازىرقى بۇلغارىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان سلاۋىيانلار بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. 681-يىلى (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە 679-يىلى) ئاسپارۇخ بۇلغارلار بىلەن سلاۋىيانلارغا قوماندانلىق قىلىپ، ۋېزانتىيە قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىش ئارقىلىق، تۇنجى بۇلغارىيە خانلىقىنى قۇرغان. بۇلغارلارنىڭ ئاھالىسى كۆپ بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيىسى تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن بىر، ئىككى ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن، تەدرىجىي ھالدا سلاۋىيان تىلىنى قوبۇل قىلىپ، سلاۋىيانلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «بۇلغارلار» دېگەن بۇ نام ئەسلىدىكى بۇلغارلارنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى بۇلغارلارنى قوشۇۋالغان جەنۇبىي سلاۋىيانلارنى كۆرسىتىدىغان بولغان. 

بۇلغارىيە دېھقانلار ئىتتىپاقى

  • بۇلغارىيە دېھقانلار ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]بۇلغارىيىدىكى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە دېموكراتلىرىنىڭ سىياسىي پارتىيىسى. 1898-يىلى ئېئوردان پېكارېۋ (Иордан Пекарев) نىڭ تەكلىپى بىلەن قۇرۇلغان. 1899-يىلى 12-ئايدا پلېۋېندا (Плевен) رەسمىي قۇرۇلغان. 1901-يىلى ئىتتىپاقنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئىتتىپاقنى پارتىيىگە ئۆزگەرتىش، دېھقانلارنىڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ سىياسىي زۇلمىغا ۋە ئىقتىسادىي ئېكسپىلاتاتسىيىسىگە قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۈزۈل-كېسىل بولغان دېموكراتىك ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشنى قارار قىلغان. كېيىن، ئىتتىپاقنىڭ داھىيلىرى مۇستەقىل دېھقانلار ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت خاتا شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن، ئىشچىلار بىلەن بىرلىشەلمەي، بۇرژۇئازىيە تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ 1919-يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1920-يىلنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشتىكى قورالىغا ئايلىنىپ قالغان. 

بۇلغارىيىدىكى سېنتەبر قوزغىلىڭى

  • بۇلغارىيىدىكى سېنتەبر قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]1) بۇلغارىيە خەلقىنىڭ 1923-يىلى سېنتەبردىكى فاشىزمغا قارشى قوزغىلىڭى. 1923-يىلى تىسانكوۋ (Александр Цанков، 1879 — 1959) نىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، 23-سېنتەبر كۈنى، بۇلغارىيە خەلقى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭ پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان ھەمدە ۋىراتسا (Вратца)،رازروگ (Разрог) قاتارلىق جايلاردا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قوزغىلاڭ باستۇرۇلۇپ، تەخمىنەن 20 مىڭدەك ئادەم پاجىئەلىك تۈردە ئۆلتۈرۈلگەن.(2) بۇلغارىيە خەلقىنىڭ 1944-يىلى 9-ئايدا گېرمانىيە ئىشغالىيەتچىلىرى ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ئەكسىيەتچىلەرگە قارشى قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭچى قوشۇن ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ (يەنى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ) رەھبەرلىكىدە، نۇرغۇنلىغان رايونلارنى ئازاد قىلغان. 9-ئاينىڭ 9-كۈنى پايتەخت سوفىيەگە كىرىپ، فاشىستلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋەتەن فرونتى ھۆكۈمىتىنى قۇرغان. 

بۇلغارىيە شۇڭقارى

  • بۇلغارىيە شۇڭقارى[يەشمىسى:]بۇلغارىيىدە تارقىتىلغان تۇنجى گېزىت. 1848-يىلى ئىۋان بوگروۋ (Иван Богров) تەرىپىدىن لېيپسگدا نەشىر قىلىنغان. بۇ گېزىت بۇلغارىيە خەلقىنىڭ مىللىي ئويغىنىشى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. 

بۇلغارىيە كورپۇسى

  • بۇلغارىيە كورپۇسى[يەشمىسى:]بۇلغارىيە مۇھاجىرلىرىنىڭ ۋەتەننى ئازاد قىلىش ئۈچۈن بېلگرادتا قۇرغان قوراللىق كۈچى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككىسى قۇرۇلغان، بىرىنچىسى راكوۋىسكى تەرىپىدىن 1861-يىلى بېلگرادتا قۇرۇلغان بولۇپ، ئادەم سانى 500 — 600 گە يەتكەن. ئىككىنچىسى مۇھاجىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاقساقاللار جەمئىيىتى بىلەن سېربىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىشىمىگە ئاساسەن 1867-يىلى قۇرۇلغان. بېلگرادتا بۇلغارىيە ياشلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرىدىغان ھەربىي مەكتەپ ئېچىش، قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىدىغان ھەربىي قوماندانلارنى تەربىيىلەپ چىقىش بەلگىلەنگەن. قاتناشقۇچىلار بولسا مۇھاجىر ياشلار ئارىسىدىن ئىختىيارىي قوبۇل قىلىنغانلار بولۇپ، تەخمىنەن 200 كىشى بولغان. 

بۇلغارىيىلىك پەۋقۇلئاددە زاپاس ئارمىيە

  • بۇلغارىيىلىك پەۋقۇلئاددە زاپاس ئارمىيە[يەشمىسى:]1877 — 1878-يىللىرىدىكى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە روسىيە ئارمىيىسى ئىچىدە قۇرۇلغان، بۇلغارىيىلىك ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەردىن تەشكىللەنگەن قوراللىق قىسىم. 1876-يىلى 6-ئايدا سېربىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ، روسىيە پىدائىيلار قوشۇنى ئەۋەتىپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرغان ھەمدە روسىيە ئارمىيىسى ئىچىدىكى بۇلغارىيىلىك ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەرنى توپلاپ، بۇلغارىيىلىك پەۋقۇلئاددە زاپاس ئارمىيىسىنى قۇرۇپ، روسىيىلىك ئوفىتسېرلار تەلىم-تەربىيە بەرگەن. 1879-يىلى بۇلغارىيە ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن زاپاس ئارمىيە ئاساسىدا بۇلغارىيە ئارمىيىسى قۇرۇلغان.

بۇلغارىيە مەخپىي مەركىزىي ئىنقىلابىي كومىتېتى

  • بۇلغارىيە مەخپىي مەركىزىي ئىنقىلابىي كومىتېتى[يەشمىسى:] 1885-يىلى 2-ئايدا، پىلوۋدىۋتا قۇرۇلغان، جەنۇبىي بۇلغارىيىدىكى مىللىي ئازادلىق كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان تەشكىلات. دەسلەپتە ماكېدونىيە مەخپىي ئىنقىلابىي كومىتېتى دەپ ئاتىلىپ، شۇ يىلى 5-ئايدا ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن. رەھبىرى ستويانوۋ. خەلقنى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە قوزغاپ، ماكېدونىيە ۋە شەرقىي رۇمېلىيىنى ئازاد قىلىپ، بۇلغارىيە كىنەزلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلغان. كېيىن رەھبەرلىك ھوقۇقى بۇرژۇئازىيىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالغان. ئۇلار، قوراللىق كۈچكە تايانغاندا ماكېدونىيىنى ئازاد قىلىش مۇمكىن ئەمەس، نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي رۇمېلىيە بىلەن بۇلغارىيە كىنەزلىكىنىڭ بىرلىشىشىنى ھەل قىلىش كېرەك، دەپ قاراپ، خەلقنى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە قوزغاش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. شۇ يىلى 9-ئايدا ئارمىيىنىڭ قوللىشى ئاستىدا بىرلەشتۈرۈش ئەمەلگە ئاشقان. بۇنىڭغا ئەگىشىپ كومىتېتنىڭ پائالىيىتىمۇ ئاياغلاشقان.

بۇلغارىيە ئىنقىلابى مەركىزىي كومىتېتى

  • بۇلغارىيە ئىنقىلابى مەركىزىي كومىتېتى[يەشمىسى:] ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى بۇلغارىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تەشكىلاتى. لېۋىسكىي بىلەن ليوبىن كاراۋىلوۋ تەرىپىدىن 1870-يىلى بۇخارىستتا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى ئىنقىلابىي دېموكراتچىلار ۋە ئىنقىلابچىلار بىلەن لېبىراللار ئوتتۇرىسىدا تەۋرىنىپ تۇرغان كىشىلەردىن تەركىب تاپقان. ئۇلار ئىنقىلاب ياكى باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق بۇلغارىيە ۋە بالقان دۆلەتلىرىنى ئازاد قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1875-يىلى 9-ئايدا، زاگورادا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تۈركىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسمىدا زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ كەتكەچكە كۆپلىگەن ئەزالار يېڭى مەركىزىي كومىتېتقا قاتناشقان. 1876-يىلغا كەلگەندە ئەسلىدىكى تەشكىلات ئىسمى بار، جىسمى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان. 

بولېسلاۋⅠ(باتۇر)

  • بولېسلاۋⅠ(باتۇر)[يەشمىسى:]BoleslawⅠ Chrobry، تەخمىنەن 967 — 1025) پولشا كىنەزى(992— 1025). كورۇلى (1025). مېسىزكوⅠ نىڭ ئوغلى. مىلادى 999-يىلى كراكوۋ (Krakow) رايونىنى قوشۇۋېلىپ پولشا زېمىنىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1000-يىلى گېنېزنو (Gniezno) دېگەن جايدا مۇستەقىل پولشا باش ئىپىسكوپ رايونىنى تەسىس قىلغان. 1003 — 1005، 1007 — 1013، 1015 — 1018-يىللىرى ئۈچ قېتىم مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى ھىنرى Ⅱ بىلەن بىرلىشىپ، پولشانىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغدىغان شۇنىڭدەك ئودېر دەرياسىنىڭ غەربىدىكى سىترالسوند (Stralsund) ۋە مىسسېن (Meissen) قاتارلىق رايونلارنى ئىشغال قىلغان. 1013-يىلى يەنە موراۋىيە ھەم سىلوۋاكنى قوشۇۋالغان. 1018-يىلى كىيېۋرۇسقا يۈرۈش قىلىپ، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى بەزى شەھەرلەرنى بېسىۋالغان. 1025-يىلى پادىشاھلىق تاجىنى كىيگەن؛ شۇ چاغدا، پولشا ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تېررېتورىيىسى غەربىي ئېلبا دەرياسىدىن باشلىنىپ، شەرقتە بۇگ (Bug) دەرياسىغىچە، شىمالدا بالتىق دېڭىزىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا دوناي دەرياسىغىچە سوزۇلغان. 

بولېسلاۋⅡ (يۈرەكلىك)

  • بولېسلاۋⅡ (يۈرەكلىك)[يەشمىسى:]BolestawⅡ Smialy، 1039 — 1081) پولشا كورۇلى (1058 — 1079). تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن چېخقا قوشۇن تارتقان. كېيىن 1069- ۋە 1077-يىللىرى ئىككى قېتىم كىيېۋ رۇسقا ھۇجۇم قىلغان، ئالدىنقى قېتىمدا كېيۋ شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. لېكىن پولشانىڭ غەربىي قىسمىدىكى پومېرانىيە رايونىنى قولدىن بېرىپ قويغان. 1079-يىلى چوڭ فېئوداللار توپىلاڭ كۆتۈرگەن، بولېسلاۋ ۋېنگرىيىگە قېچىپ كەتكەن. كېيىن شۇ دۆلەتتە ئۆلگەن. 

بولېسلاۋⅢ (كالچۇك)

  • بولېسلاۋⅢ (كالچۇك)[يەشمىسى:]BolestawⅢ Krzywousty، 1085 — 1138) پولشا كورۇلى (1102 — 1138). ۋلادىسلاۋⅠ نىڭ ئوغلى. تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىللىرى ئاكىسى زىبگنېۋ (Zbigniew) نى مەغلۇپ قىلىپ، چوڭ پولشانى (ھازىرقى پولشانىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە مازوۋىيىنى (Mazovia) ئۆزىگە قوشۇۋالغان. كېيىن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅴ نىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرگەن. 1116— 1123-يىللىرى يەنە پومېرانىيىنى قوشۇۋېلىپ، پولشانى يېڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. لېكىن بولېسلاۋ ئۆز ۋەسىيەتنامىسىدە دۆلەتنى تۆت ئوغلىغا بۆلۈپ بېرىشنى ئېيتقاچقا، پولشادا يەنە فېئودال تەپرىقىچىلىك ھالەت پەيدا بولغان. 

بولى سوتى

  • بولى سوتى[يەشمىسى:]1949-يىلى 12-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى يىراق شەرق ھەربىي سوت مەھكىمىسىنىڭ بولى (خاباروۋىسكى) شەھىرىدە، باكتېرىيىلىك قوراللارنى ئىشلەتكەن ياپونىيە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان سوت. جاۋابكار يامادا ئوتوياما (كانتون ئارمىيىسى قوماندانى)، كاجىتسۇكاتاكاجى (كانتون ئارمىيىسى تىببىي باشقارمىسىنىڭ باشلىقى)، كاۋاشماكىيو (731-قىسىم 4-بۆلۈمنىڭ باشلىقى) قاتارلىق 12 كىشى 1931-يىل 18-سېنتەبر ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ كانتون ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا زور مىقداردا جانغا زامىن بولىدىغان باكتېرىيە يېتىشتۈرگەنلىكى ھەمدە 1935-يىلى ۋە1936-يىلى ئىلگىرى-ئاخىر 731-ۋە 100-قىسىمنى قۇرۇپ، باكتېرىيىلىك ئۇرۇش تەييارلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. كاۋاشماكىيو 1940 — 1945-يىللىرى ياپونىيە ئارمىيىسى تەسلىم بولغۇچە پەقەت 731-قىسىمنىڭ ئۆزىلا، جۇڭگو-سوۋېت خەلقىنى «تەجرىبە بۇيۇمى» قىلىپ 3000 دىن كۆپرەك كىشىنى پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. سوت داۋامىدا يەنە ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگونىڭ نېڭبو، چاڭدې قاتارلىق رايونىدىمۇ باكتېرىيىلىك قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكى ئېنىقلانغان.

بولىۋار

  • بولىۋار[يەشمىسى:]Simon Bolivar، 1783 — 1830) جەنۇبىي ئامېرىكا مۇستەملىكىسى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ رەھبىرى. كاراكاسدىكى بىر پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا مەشھۇر ئالىم سىمون رودرىگېز (Simon Rodriguez،1771—1854) دىن تەلىم ئالغان، ياۋروپا مەرىپەت ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچرىغان. كېيىن ئىسپانىيە، ئىتالىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆگەنگەن. 24 يېشىدا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، ۋىنسۇئېلانىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىشقا قاتناشقان. كېيىن يېڭى گراناداغا يۆتكىلىپ، قوشۇن باشلاپ ۋىنسۇئېلا زېمىنىغا كىرگەن، 1813-يىلى كاراكاس شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. ئىككىنچى يىلى 1-ئايدا ۋىنسوئېلا ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆزى باشلىق بولغان ۋە ئۆزىنى «ئازاد قىلغۇچى» دەپ ئاتىغان. 7-ئايدا ئىسپانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن يېڭىلىپ، يېڭى گراناداغا چېكىنگەن. يامايكا ۋە ھايتىلاردا قېچىپ يۈرۈپ، پېتىئوننىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. 1816-يىلى ۋىنسۇئېلاغا قايتىپ كېلىپ، قۇللارنى ئازاد قىلىش، يەرلەرنى ئەسكەرلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئېلان قىلىپ، بارا-بارا خەلقنىڭ قوللىشىغا مۇيەسسەر بولغان. ئىككىنچى يىلى ئانگوستۇرا (Angostura) دا پارلامېنت يىغىنى چاقىرىپ، ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1819-يىلى ئارمىيىنى باشلاپ ئاندىس تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، يېڭى گراناداغا كىرگەن ۋە بوياكا (Boyaca) دېگەن جايدا ئىسپانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى يوقىتىپ، بۈيۈك كولۇمبىيىنى قۇرغان، ئۆزى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1821-يىلىنىڭ باشلىرى ۋىنسۇئېلانىڭ شىمالىي قىسمىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە كارابوبو (Carabobo)جېڭىدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان. 1822-يىلى ۋەتەنپەرۋەر ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىپ، پىچىنچا جېڭىدە ئىسپانىيە ئارمىيىسىنى يېڭىپ، كىدو (بۈگۈنكى ئېكۋاتور) نى بۈيۈك كولۇمبىيىگە قوشۇۋەتكەن. 1824-يىلى جۇنىن (Junin) ۋە ئاياكوچو ئىككى جەڭدە غەلىبە قىلىپ، پېرونىڭ پۈتۈن زېمىنىنى ئازاد قىلىشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1825-يىلى يۇقىرى پېرودا بولىۋىيە جۇمھۇرىيىتىنى (ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان) قۇرۇپ، ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 1826-يىلى پانامادا تۇنجى قېتىم پان ئامېرىكا يىغىنىنى ئېچىپ، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىنى تەشەببۇس قىلغان، لېكىن بۇ تەشەببۇس ئەمەلگە ئاشمىغان. كېيىن پېرو ۋە بولىۋىيە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان شۇنىڭدەك بۈيۈك كولۇمبىيە يىمىرىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكتىن، 1830-يىلى 3-ئايدا خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاغرىق سەۋەبىدىن سانتامارتا (Santa Marta) دا دۇنيادىن ئۆتكەن. 

بوناپارتچىلار

  • بوناپارتچىلار[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىردىكى فرانسىيە مۇنارخىست مەزھەپلىرىدىن بىرى، بوناپارت جەمەتىنىڭ ھىمايىچىسى. 1815-يىلى ناپولېئون ئىمپېرىيىسى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ سىياسىي كۈچلىرى قاتتىق بېسىمغا ئۇچرىغان. ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدە بوناپارتچىلار بىر مەھەل كۈچىيىپ كېتىپ، 1851-يىلى 2-فېۋرال سىياسىي ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە ئىككىنچى ئىمپېرىيىنى قۇرغان. 1870-يىلى 4-سېنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن بوناپارتچىلارنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەن، لېكىن پارلامېنتتا يەنىلا مۇئەييەن ئورۇنغا ئىگە بولغان. 1879-يىلدىن كېيىن ئىچكى قىسىمدا بۆلۈنۈش بولغانلىقتىن فرانسىيىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا ئۆزىنىڭ رولىنى قايتا جارى قىلدۇرالمىغان.

بوندېتاگېت

  • بوندېتاگېت[يەشمىسى:]شۋېتچە Bondetaget نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. دېھقانلار نامايىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1914-يىلى 6-فېۋرالدا ستوكھولمدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق سىياسىي خاراكتېرلىك نامايىش. ئۇنو نىبېرگ (Uno Nyberg) بىلەن فرىك بېرگ (J·E·Frykberg) ئۇپسالا (Uppsala)دا قوزغىغان. ئۇنىڭ مەقسىتى ستاۋ كابىنېتىنىڭ ئارمىيىنى قىسقارتىشىغا قارشى تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە مەسىلىسىنى تېز ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت. قاتناشقانلار 32 مىڭ كىشىگە يېتىپ، ئۇنىڭ ئىچىدە دېھقانلاردىن سىرت، يەنە باشقا تەبىقىدىكى زاتلارمۇ بولغان. بۇ، كورۇل بىلەن ستاۋ كابىنېتى ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسىي قانۇن توغرىسىدىكى بەس مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان. نەتىجىدە، ستاۋ كابىنېتى شۇ يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.2-ئاينىڭ 17-كۈنى خامارسكى جولد (Hammarskjold) كابىنېت تەشكىللەپ، نامايىش غەلىبىلىك ئاياغلاشقان. 

بونگايا شەرتنامىسى

  • بونگايا شەرتنامىسى[يەشمىسى:]1667-يىلى گوللاندىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ھىندۇنېزىيە ۋاكاسار پادىشاھلىقى بىلەن ئىمزالىغان تەڭسىز شەرتنامە. 1666-يىلى گوللاندىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى كۆپلەپ ئەسكەر ئەۋەتىپ ۋاكاسارغا ھۇجۇم قىلغان، ئىككىنچى يىلى ۋاكاسار پادىشاھى ھاسان ئۇدىر (Hassan Udir) نى بونگايا (Bongaia) كەنتىدە شەرتنامە ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: ۋاكاسار پادىشاھلىقى شىركەتنى قوغدىغۇچى دەپ ئېتىراپ قىلىش؛ فلورېس ئارىلى قاتارلىق جايلارنى گوللاندىيىگە بۆلۈپ بېرىش؛ شەرقىي ھىندىستان شىركىتىدىن باشقا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋاكاساردا سودىگەرچىلىك قىلىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق؛ ۋاكاسارلىقلارنىڭ خۇش پۇراق ماتېرىياللار تاقىم ئارىلى يەنى مالۇكۇ تاقىم ئاراللىرىغا بېرىپ تىجارەت قىلماسلىق؛ شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ۋاكاساردىكى ئېكسپورت-ئىمپورت قىلىدىغان ماللىرىدىن بىردەك باج ئالماسلىق؛ ۋاكاساردىكى قورغانلارنى بۇزۇپ تاشلاش؛ 625 مىڭ رۇپىيە ھەربىي خىراجەت تۆلەش ھەمدە مىڭ نەپەر قۇل تاپشۇرۇشتىن ئىبارەت. 

بونن شەرتنامىسى

  • بونن شەرتنامىسى[يەشمىسى:]«بونن مەخسۇس شەرتنامىسى» ياكى «ئادەتتىكى شەرتنامە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1952-يىل 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە سابىق فېدېراتىپ گېرمانىيىسى بىلەن بونندا ئىمزالىغان بىر قاتار شەرتنامىلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. بۇ «ئۈچ دۆلەت بىلەن گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدىكى مەخسۇس شەرتنامە»، «چەت ئەل قوشۇنلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى توغرىسىدىكى مەخسۇس شەرتنامە»، «مالىيە توغرىسىدىكى مەخسۇس شەرتنامە»، «ئۇرۇش ۋە ئىشغالىيەت تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مەخسۇس شەرتنامە» دىن ئىبارەت بىر قاتار كېلىشىملەرنى ۋە قوشۇمچە ھۈججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسىي مەزمۇنى: ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىلەر ئىشغالىيەت قانۇن-نىزاملىرىنى بىكار قىلىش، لېكىن ئۈچ دۆلەت قوشۇنلىرى داۋاملىق فېدېراتىپ گېرمانىيە زېمىنىدا تۇرۇش؛ فېدېراتىپ گېرمانىيە «ياۋروپا مۇداپىئە كۆرۈش گۇرۇھى» غا قاتنىشىش، بىرلەشمە كومىتېت تەسىس قىلىپ، ناتسىست ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كېيىن «ياۋروپا مۇداپىئە گۇرۇھى» بەربات بولغانلىقتىن 1954-يىلى ئىمزالانغان «پارىژ كېلىشىمى»دە يۇقىرىدا ئېيتىلغان شەرتنامىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن.1955-يىل 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ شەرتنامە كۈچكە ئىگە بولغان. «پارىژ كېلىشىمى(1)»گە قاراڭ.

بونومى

  • بونومى[يەشمىسى:]Ivanoe Bonomi، 1873— 1951) ئىتالىيە باش ۋەزىرى(1921—1922-ۋە 1944 — 1945). مانتوۋادا تۇغۇلغان. ئەسلى تەبىئىي پەن ۋە قانۇن ئۆگەنگەن. ئوقۇتقۇچى ۋە ئاخبارات خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن. ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى. 1909-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1912-يىلى ئوڭچىل كۈچلەر تەرىپىدىن پارتىيىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان. 1916 — 1921-يىللىرى جامائەت قۇرۇلۇشى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋە مالىيە ۋەزىرى بولغان. قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرلىكىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىللىرىدە يۇگوسلاۋىيە بىلەن فىئۇمې (ھازىرقى يۇگوسلاۋىيىنىڭ رىجېكا دېڭىز پورتى) مەسىلىسى توغرىسىدىكى «راپاللو شەرتنامىسى» نى تۈزگەن. فاشىستلار ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە خىزمەتتىن چېكىنگەن. 1943 — 1944-يىللىرى فاشىزمغا قارشى مىللىي ئازادلىق كومىتېتىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1944-يىلى يەنە باش ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1948 — 1951-يىللىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولغان. 

بونى ئۇرۇشى

  • بونى ئۇرۇشى[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىردە سۇلاۋېسنىڭ بونى (Boni) رايونىدىكى گوللاندىيىگە قارشى قوراللىق كۈرەش. بونى پادىشاھلىقى گوللاندىيىنىڭ باشقا ئاراللاردا مۇستەملىكىچىلىك قىلىپ كېڭىيىشىگە قارشى تۇرۇپ، ئۆزىگە تەۋە رايونلارنى گوللاندىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ئىگىلىۋالغان رايونلارغىچە كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن تەلەپ رەت قىلىنغان. 1824-يىلى بونى ئارمىيىسى گوللاندىيە كونتروللۇقىدىكى رايونغا كىرگەن، گوللاندىيە-ھىندۇنېزىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتى قوشۇن ئەۋەتىپ باستۇرۇپ، بونىنىڭ پايتەختىنى بېسىۋالغان. كېيىن دىپونېگورو ئۇرۇشى پارتلىغانلىقتىن، قوشۇننى چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. 1835-يىلى بونىنىڭ ئايال پادىشاھى ئالەمدىن ئۆتكەن. 1859-يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئىككىنچى قېتىم ئەسكەر ئەۋەتىپ بونىغا قارشى جەڭگە چىققان بولسىمۇ، بونىلىقلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى ياردەمچى قوشۇنىنى كۆپەيتىپ، بونى ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. بونى پادىشاھلىقى زېمىنىنىڭ بىر قىسمى گوللاندىيە تەۋەلىكىگە قوشۇۋېتىلگەن، بىر قىسمى گوللاندىيە ئارمىيىسىنىڭ بونىغا ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەملەشكەن قوشنا رايونلاردىكى فېئوداللارغا ئىنئام قىلىپ بېرىلگەن.

بونىفاسىئو

  • بونىفاسىئو[يەشمىسى:]Andes Boni Facio، 1863 — 1897) فىلىپپىن مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. كەمبەغەل ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئىشچى بولغان. 1892-يىلى فىلىپپىن ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. شۇ يىلى مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات — «كاتىپۇنان» نى قۇرغان. ئاممىغا تايىنىپ، قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق مۇستەقىللىككە ئېرىشىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1895-يىلى1-ئايدا 3-نۆۋەتلىك «كاتىپۇنان» ئالىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى بولغان، 1896-يىلى «كاتىپۇنان» غا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسپانىيىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئىككىنچى يىلى 5-ئايدا ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تارتىۋالغان پومېشچىك-بۇرژۇئازىيە گۇرۇھى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.

بونىفاسىئوس

  • بونىفاسىئوس[يەشمىسى:] Ⅷ (Bonifacius Ⅷ، تەخمىنەن 1235 — 1303) رىم پاپاسى (1294 — 1303). ئەسلى ئىسمى كائېتانى (Benedetto Caetani). 1281-يىلى كاردىنال بولغان. پاپا بولغان مەزگىلدە، ئىلاھىي ھاكىمىيەت سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، پاپانىڭ دۇنياغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تىكلەشكە ئۇرۇنغان. 1296-يىلى فرانسىيە كورۇلى فىلىپپى Ⅳ فرانسىيىدىكى مىسسىئونېرلاردىن باج ئېلىشنى قارار قىلغان، ئۇنىڭ بۇ تەدبىرى پاپانىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىگە تەسىر يەتكۈزگەنىدى. بونىفاسىئۇس شۇ ھامان پاپانىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ مىسسىئونېرلىرى دەھرىي دائىرىلەرگە باج تاپشۇرماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. فىلىپپى بولسا پۇلنىڭ چەتكە چىقىرىلىشىنى مەنئى قىلىش، پاپانىڭ ئەلچىسىنى قولغا ئېلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ھەمدە 1302-يىلى ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشى چاقىرىپ پاپانى سوتلىغان. بونىفاسىئۇس فرانسىيە كورۇلىنىڭ دىنىي تەۋەلىكىنى ئېلىپ تاشلىماقچى بولغاندا، ئاناگىندا ئۇشتۇمتۇت فرانسىيە كورۇلىنىڭ ئەلچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئۈچ كۈن قامالغان. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن رىمغا قايتىپ بېرىپ، ئاچچىق يۇتۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.

بوئۇۋېنېس ئۇرۇشى

  • بوئۇۋېنېس ئۇرۇشى[يەشمىسى:]فرانسىيە كورۇلى فىلىپپى Ⅱ نىڭ ئەنگلىيە كورۇلى جون (John) (زېمىنى يوق شاھ)نى شۇنىڭدەك ئىتتىپاقدىشى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى ئوتتۇ Ⅳ نى مەغلۇپ قىلغان ئۇرۇش. جون (زېمىنى يوق شاھ) ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پىلانتاگېنېت خاندانلىقىنىڭ فرانسىيىدىكى قولدىن كەتكەن زېمىنىنى جۈملىدىن نورماندىيە، ماين، ئافژۇلارنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئۇرۇنغان، 1214-يىلى 7-ئايدا ئىككى تەرەپ بوئۇۋېنېس (Bouvines، بۈگۈنكى فرانسىيىنىڭ نور ئۆلكىسى تەۋەلىكىدە) تا قاتتىق ئۇرۇشقان. فرانسىيە غەلىبە قىلىپ، پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن، ئەنگلىيە پادىشاھلىق ھاكىمىيىتى زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ كەتكەن. ئوتتۇⅣ نىڭ مەغلۇبىيىتى ئۆزى بىلەن تەخت تالاشقۇچى فرىدىرىخ Ⅱ (كېيىن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى بولغان) قا پايدىلىق بولغان. 

بوۋاق ئەركىنلىك پەرمانى

  • بوۋاق ئەركىنلىك پەرمانى[يەشمىسى:]يەنى «رىئو برانكو پەرمانى» دەپمۇ ئاتىلدۇ. برازىلىيىدىكى نېگىر قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى ئەمر-پەرمانلارنىڭ بىرى. 1871-يىلى برازىلىيىدىكى قۇللۇقنى بىكار قىلىش تەرەپدارى رىئو برانكو (Barao do Rio Branco، 1845 — 1912) تۈزگەن ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن. پەرماندا، مەزكۇر پەرمان ماقۇللانغان كۈنىدىن ئېتىبارەن، نېگىر قۇل ئانىدىن تۇغۇلغان بوۋاقلار بىردەك ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ. لېكىن ئۇلار 21 ياشقا كىرگۈچە يەنىلا ئاتا-ئانىلىرى قاراشلىق قۇلدارلىرىنىڭ «ھامىيلىقى» دا بولىدۇ ھەمدە مەزكۇر قۇلدارنىڭ ئەمگىكىنى قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. مەزكۇر پەرمان قۇللۇق تۈزۈمنى يوقىتالمىغان، نېگىر قۇللارنىڭ ئەھۋالى شۇنىڭلىق بىلەن ئۆزگىرىپمۇ كەتمىگەن.

بوۋنې

  • بوۋنې[يەشمىسى:]Borden Parker Bowne، 1847 — 1910) ئامېرىكىنىڭ ئىدېئالىزمچى پەيلاسوپى، لېرسونلىزمنىڭ ئىجادچىسى. يېڭى جېرىسېي شتاتىدا تۇغۇلغان. 1871-يىلى نيۇ-يورك داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1873-يىلى پوپ بولغان. ياۋروپاغا بېرىپ ئوقۇغان. 1875-يىلى ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىپ، ئانا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1876-يىلدىن باشلاپ بوستون داشۆسى پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئىشلىگەن. 1905—1906-يىلى دۇنيانى ساياھەت قىلغان. «لېرسونلىزم»نى تەرغىپ قىلىپ، چەكسىز كىشىلىك قەدىر-قىممەت — يەنى خۇدا ئالەمنىڭ ئاساسى ۋە پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مەنبەسى، چەكلىك كىشىلىك قەدىر-قىممەت ئادەمدە بولىدىغان ئەركىن ئىرادە ۋە ئەخلاق كۆز قارىشى؛ «كىشىلىك قەدىر-قىممەت» نىڭ مۇكەممەل بولۇشى ياكى ئەخلاق جەھەتتىكى ئۆزئۆزىنى تەربىيىلەش — جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىردىنبىر ئالدىنقى شەرتى، دەپ ھېسابلىغان. شۇنىڭدەك تەبىئەت دۇنياسى خۇدانىڭ ئاڭ پائالىيىتىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى چىنلىقى، گۈزەللىكى ۋە مەرھەمىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر، دەپ تەشۋىق قىلغان. كىشىلەرنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا بولغان تونۇشىمۇ ئوخشاشلا خۇداغا بولغان تونۇشى، پەنمۇ دىنىي ھەقىقەتكە يېتىشنىڭ بىر يولى دەپ قارىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «خۇداگۇيلۇق توغرىسىدا تەتقىقات»، «لېرسونلىزم» قاتارلىقلار بار.

بوئېتىئۇس

  • بوئېتىئۇس[يەشمىسى:]Anicius Manlius Severinus Boethius، 480 — 524 ياكى 525) قەدىمكى ئىتالىيىنىڭ پەيلاسوپى ۋە سىياسىئونى. رىمدا تۇغۇلغان. شەرقىي گوتلار پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى تېئودورىكنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان. مىلادى 510-يىلى ئارخونلۇققا تەيىنلەنگەن. كېيىن ئىسيان كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنغان، دېگەن گۇمان بىلەن تۈرمىگە تاشلىنىپ، پاۋىيە (Pavia) ئەتراپىدىكى بىر قەلئەگە نەزەربەنت قىلىنغان ۋە ئاخىرى شۇ يەردە ئۆلتۈرۈلگەن. تۈرمىدە بەش توملۇق «پەلسەپىۋى تەسەللى»(Consolatione Philosophia) دېگەن كىتابنى يېزىپ چىقىپ ئاكادېمىزمچىلىك، ستوئىكچىلىق ۋە يېڭى ئەپلاتونچىلىق قاتارلىق ئىدېئالىستىك پەلسەپىدىن تەسەللى ئىزدىگەن ۋە روھ بىلەنلا ئالاقە باغلىسا ھەرقانداق بالايىئاپەت ھەتتا ئۆلۈم-يېتىممۇ كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي بەختىنى تارتىۋالالمايدۇ، دەپ قارىغان. يۇنان تىلىنى پىششىق بىلگەچكە لاتىن يېزىقى ئارقىلىق يۇناننىڭ كۆپلىگەن پەيلاسوپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان، بولۇپمۇ ئارىستوتېلنىڭ «قورال ھەققىدە» ناملىق ئەسىرىنىڭ «كاتېگورىيە»، «شەرھى» قىسمىنى ھەمدە پورفىرى (Porphyrios) نىڭ ئارىستوتېلنىڭ «كاتېگورىيە» سىگە يازغان «مۇقەددىمە» سىنى تەرجىمە قىلغان ۋە ئىزاھلىغان. ئوتتۇرا قەدىمكى ياۋروپانىڭ ئارىستوتېلنى تەتقىق قىلىشىغا تۆھپە قوشقان. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇنىۋېرساللىق» نىڭ ھەقىقىي مەۋجۇت-مەۋجۇت ئەمەسلىكى مەسىلىسى مەدرىسە پەلسەپىسى نومىنالىزم بىلەن رېئالىزمنىڭ مۇنازىرە نۇقتىسى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا كىسېرونىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا يازغان 6 توملۇق ئىزاھاتىمۇ ھازىرغىچە ساقلانماقتا. 

بوئىسچۇلبېرت

  • بوئىسچۇلبېرت[يەشمىسى:] Pierrele Pesant Boisquilbert، 1646 —1714) فرانسىيە ئىقتىسادشۇناسى. يېزا ئىگىلىكىگە ئېتىبار بىلەن قارىغۇچىلارنىڭ پېشۋاسى. 1689-يىلىدىن باشلاپ روۇئېننىڭ يەرلىك ئەمەلدارى بولۇپ، ئۆزىنى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاقلىغۇچىسى دەپ ئاتىغان. لۇئى ⅩⅣ نىڭ ئۇرۇشخۇمارلىقىدىن يېزىلارنىڭ ۋەيران بولۇپ، باج-سېلىقلارنىڭ ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، مالىيە باش نازارەتچىسى شامىلارغا قارىتا كەسكىن پىكىر بەرگەن،1707-يىلى بىر مەزگىل سۈرگۈن قىلىنغان. سودىغا ئەھمىيەت بېرىش نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن، يېزا ئاھالىسى دۆلەت بايلىقى ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئاساسى، دەپ ھېسابلىغان، يەنە ئەمگەك ۋاقتىنى تاۋار باھا ئۆلچىمىنىڭ مىزانى دەپ قارىغان، لېكىن يەنە تاۋار ئىشلەپچىقىرىشتىكى مەقسەت ئىستېمال قىممىتى ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت؛ پۇل — ئايرىۋاشلاشتىكى تەڭ قىممەتلىكىنى بۇزۇپ، باراۋەرسىزلىكنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالدى دەپ قارىغان. ئۇ، ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە قارىتا قوغداش سىياسىتى يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان، ماركس، كلاسسىك سىياسىي-ئىقتىساد فرانسىيىدە بوئىسچۇلبېرتتىن باشلانغان، دەپ قارىغان؛ ئۇنىڭ «فرانسىيىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى»، «ئاشلىق توغرىسىدا»، «بايلىق، پۇل ۋە باجنىڭ خاراكتېرى توغرىسىدا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

بويار

  • بويار[يەشمىسى:]Бояре) روسىيىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نامى. بۇ نام قەدىمكى پراۋسلاۋيانلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق قەبىلىسىدىكى پالۋانلار (خاس ئەسكەرلەر)دىن كېلىپ چىققان. مىلادى Ⅸ ئەسەردىن Ⅹ ئەسىرگىچە قەدىمكى رۇسلارنىڭ فېئوداللىشىش جەريانىدا پالۋانلار تەبىقىسىدە بۆلۈنۈش يۈز بەرگەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بايلار ۋە يەر ئىگىلىرى (فېئودال، بەگ) يۇقىرى دەرىجىلىك پالۋانلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئوردا ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈپ كىنەزنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇشىغا ياردەم قىلغان. كىنەزنىڭ خىزمىتىدە بولغان، شۇڭا «بويار» دەپ ئاتالغان. ⅩⅣ — Ⅺ ئەسىرلەردە «بويار» دېگەندە كىنەزنىڭ يېنىدا تۇرىدىغان مەسلىھەتچى كۆزدە تۇتۇلغان، كىنەزلەر ئۇلار بىلەن بارلىق ئىشلاردا مەسلىھەت قىلىپ، ھوقۇقى ناھايىتى چوڭ بولغان. ⅩⅥ — ⅩⅤ ئەسىرلەردە رەسمىي چوڭ ئاقسۆڭەكلەر كۆزدە تۇتۇلغان. بويارلار چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ دۇما (پارلامېنتى) سىغا قاتناشقان ۋە گوبىرناتور بولۇپ، يەرلىكنىڭ ھەربىي، مالىيە ھەمدە ئەدلىيە قاتارلىق ھوقۇقلارنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، بارا-بارا فېئودال تەپرىقىچىلىق كۈچلىرى بولۇپ شەكىللەنگەن. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە ئىۋان Ⅳ ھوقۇق مەركەزگە توپلاشقان ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، چار پادىشاھقا بىۋاسىتە قاراشلىق رايونلار تۈزۈمى ئارقىلىق بويارلارنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلاتقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈچى ئاجىزلاشقان. ⅩⅧ ئەسىردە پيوترا مۇستەھكەم ھەربىي بيۇروكراتلىق ھاكىمىيەتنى قۇرۇش ئۈچۈن بويارلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. 

بوياكا جېڭى

  • بوياكا جېڭى[يەشمىسى:] لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدىكى مۇھىم جەڭ. 1819-يىلى 6-ئايدا بولىۋار 2500 كىشىلىك قوزغىلاڭچى قوشۇننى باشلاپ ۋېنسۇئېلانىڭ شەرقىدىن يولغا چىققان ۋە ئورىنوكو دەرياسىنىڭ سايازلىقلىرىدىن ھەم ئاندېس تاغلىرىدىن ئۆتكەن. 7-ئايدا يېڭى گرانادا تەۋەلىكىدە سانتاندېر باشچىلىقىدىكى پارتىزانلار ئەترىتى بىلەن قوشۇلۇپ، بوگوتاغا ھەربىي يۈرۈش قىلغان. 8-ئاينىڭ 7-كۈنى قوزغىلاڭچى ئارمىيە پايتەخت ئەتراپىدىكى بوياكا (Boyaca) كۆۋرۈكى يېنىدا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى قوشۇنىنىڭ ئاساسىي كۈچىگە توسۇپ زەربە بەرگەن ھەمدە ئۇلارنى تارمار قىلغان. شۇ قېتىمقى جەڭ قوزغىلاڭچى ئارمىيىنىڭ بوگوتانى ئىشغال قىلىشى ئۈچۈن يول ئاچقان، كولۇمبىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان.

بويلې

  • بويلې[يەشمىسى:]Robert Boyle،1627— 1691) ئەنگلىيىلىك خىمىك ۋە فىزىك. ئېرلاندىيىدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى يىللىرى ئېتون كوللېگې (ئەنگلىيىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان مەشھۇر مەكتەپ) دە ئوقۇغان، كېيىن جەنۋەگە بېرىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئەينى ۋاقىتتا ئاقسۆڭەكلەر خىمىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، دەيدىغان بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشقا پەرۋا قىلماستىن قەتئىيلىك بىلەن خىمىيە تەتقىقاتى ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان. 1659-يىلى تەجرىبە ئارقىلىق گاز بېسىمىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەش پرىنسىپىنى ئىسپاتلاپ چىققان ھەمدە گاز قانۇنى، يەنى «بويلې مارىئوت قانۇنى» نى كەشپ قىلغان. خىمىيە جەھەتتە ئەينى چاغدا قوللانغان بېكىتىش تەجرىبىلىرىنى بىر سىستېمىغا يىغىنچاقلاپ، ئانالىز خىمىيە تەتقىقاتىنى باشلىغان. ئېلېمېنتلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسەن ماددىلارنىڭ پارچىلىنىش قانۇنىيىتىگە ھۆكۈم قىلىپ، خىمىيە پېنىنى ئىلمىي ئاساستا تەتقىق قىلىش دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن. ئۇ «يېڭى تەجرىبە»، «گۇمانلىق خىمىيە ئالىمى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

بۇبىنوۋ

  • بۇبىنوۋ[يەشمىسى:]Андрей Сергеевич Бубнов، 1883 — 1940) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1905-يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە، ئىۋانوۋو، ۋوزنېسكىسكىدا پارتىيە خىزمىتى ئىشلىگەن. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ھەمدە پېتېروگراد سوۋېت ھەربىي ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوراللىق قوزغىلاڭ پارتىيە باش ئورگىنىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىغا قاتناشقان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئوكرائىنا ئۇرۇش لىنىيىسىدە قىزىل ئارمىيىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئاقلار ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇشقان. «سولچى كوممۇنىزمچىلار» گۇرۇھىغا، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تەرەپدارلىرىغا ۋە تروتىسكى ئۆكتىچىلەر گۇرۇھىغا قاتنىشىپ، پارتىيىنىڭ كەسكىن تەنقىدىگە ئۇچرىغان.1925يىلى ئىتتىپاق كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1929 — 1937-يىللىرى روسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ خەلق كومىسسارى بولغان. «جەڭگىۋار تەلىم-تەربىيە ۋە سىياسىي خىزمەت» قاتارلىق 200 پارچىدىن ئوشۇق ھەربىي ئىشلارغا دائىر ئەسەر يازغان.

بۇتتو

  • بۇتتو[يەشمىسى:]Zulfikar Ali Bhutto، 1928— 1979)پاكىستان زۇڭتۇڭى (1971 — 1973). سېندىدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. لوندوندىكى لىنكولن ئادۋوكاتلار ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان. 1953-يىلى پاكىستانغا قايتىپ كېلىپ ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. 1958-يىلى سودا مىنىستىرى بولغان. 1962-يىلى مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى پارلامېنتى داھىيسى بولغان. 1963— 1966-يىللىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1967-يىلى پاكىستان خەلق پارتىيىسىنى قۇرغان. ئەنگلىيە لىبورىستلار پارتىيىسى فورمىسىدىكى «سوتسىيالىزم» نى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1968-يىلى 11-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، 1969-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. شۇ يىلى دېموكراتىك ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلىپ، ئايۇپخان ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 1970-يىلى خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1971-يىلى قايتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان، شۇ يىلى 12-ئايدىن باشلاپ زۇڭتۇڭ، قوشۇمچە ھەربىي باشقۇرۇشنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغان، 1973-يىلى 8-ئايدا يېڭى ئاساسىي قانۇننى يولغا قويغاندىن كېيىن زۇڭلى بولغان. 1977-يىلى 3-ئايدا يەنە بىر نۆۋەت زۇڭلىلىققا سايلانغان. شۇ يىلى 7-ئايدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئاغدۇرۇلۇپ، 1979-يىل 4-ئاينىڭ 4-كۈنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ «ئۈچىنچى دۇنيا: يېڭى يۆنىلىش»، «غايەت زور تراگېدىيە» ناملىق ئەسەرلىرى بار.

بۇتمىر خارابىسى

  • بۇتمىر خارابىسى[يەشمىسى:]يۇگوسلاۋىيىدىكى يېڭى تاش قورال دەۋرى خارابىسى. يۇگوسلاۋىيىنىڭ سارايېۋو يېنىدىكى بۇتمىر (Butmir) دېگەن يەردە. ⅩⅨ ئەسىردىن باشلاپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلانغان. ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنغان بولۇپ، بۇغداي، ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلغان ھەمدە قوي، توڭگۇز قاتارلىقلارنى باققان. تۇرالغۇ خارابىلىرىدە تاملارنىڭ قالدۇقلىرى بار، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىدىن تاش ئوقيا بېشى، سىلىقلاپ ياسالغان تاش پالتا قاتارلىقلار بار. ساپالچىلىق ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خارابىنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىن نەپىس بۇيۇملار قېزىۋېلىنغان. قاچا شەكىللىرىنىڭ كۆپىنچىسى چوگۇن، قەدەھ، شېشە، تەخسە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارغا قىزىل ۋە ئاق رەڭلەردە بۇرمىسىمان، يۇمىلاق، دولقۇنسىمان سىزىقلار سىزىلغان، يەنە يانتۇ سىزىقلاردىن ھاسىل قىلىنغان نەقىش ئىشلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا ساپالدىن ياسالغان ئادەم ھەيكەللىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايال ھەيكەللىرى. ئۇلارنىڭ باش قىسمىدىكى كۆز، بۇرۇن، ئېغىز، قاش ۋە چاچلار ئويما سىزىقلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. كۆكسى ئالاھىدە بۆرتتۈرۈلگەن، بەدىنىنىڭ يۇقىرى قىسمىنىڭ ئالدى ۋە ئارقا تەرىپىگە يىڭنە بىلەن تۆشۈكچە نەقىشلەر سىزىلغان. بەزىلىرىگە كۆڭلەككە ئوخشاپ كېتىدىغان كىيىملەر كىيگۈزۈلگەن.

بۇتو

  • بۇتو[يەشمىسى:]Buto) قەدىمكى مىسىردىكى ۋىلايەت نامى. نىل دەرياسى دېلتىسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىمالدىكى ۋىلايەتلەر بۇ يەرنى مەركەز قىلغان ھالدا تۆۋەنكى مىسىر پادىشاھلىقىنى شەكىللەندۈرگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، پادىشاھ قىزىل تاج كىيىپ، يىلان ئىلاھىنى ھامىي ئىلاھ، ھەسەل ھەرىسىنى بەلگە قىلغانىكەن، يەتتە پادىشاھنىڭ ئىسمى ساقلىنىپ قالغان. ئەڭ بالدۇرقى يېزىقى پاپىرۇس قەغىزىگە يېزىلغان ھەمدە يىلنامىنىمۇ قوللانغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 3100 يىل ئىلگىرىكى يىللىرى يۇقىرى مىسىر پادىشاھى مېنا تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مىسىر دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن.

بۇتۇئان

  • بۇتۇئان[يەشمىسى:]Butuan)، فىلىپپىندىكى قەدىمكى دۆلەت. پاناي ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان، بەزىلەر مىنداناۋ ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى بۇتۇئان (Butuan) رايونىدا دەيدۇ.1003-يىلى (سۇڭ سۇلالىسى شيەنپىڭنىڭ 6-يىلى) جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقە قىلغان.

بۇخارا

  • بۇخارا[يەشمىسى:] قەدىمكى يەر ئىسمى. ھازىرقى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى بۇخارا (Бухара). «بۇخارا خاندانلىقى» غا قاراڭ.

بۇخارا دۆلىتى

  • بۇخارا دۆلىتى[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت. ئورنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇخارا رايونىدا. دەسلەپ سوغدىياناغا تەۋە بولغان. جاۋۇپ دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. سودا ئىشلىرى تەرەققىي تاپقان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن قويۇق سودا قىلىپ كەلگەن. مىلادى Ⅻ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، جۇڭگو تاڭ سۇلالىسى غەربىي تۈركلەرنى تارمار قىلغاندىن كېيىن، تاڭ سۇلالىسىگە تەۋە بولغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئەرەبلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى شەرق (Sharik) قوزغىلىڭى پارتلىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يەرلىك خەلقلەر يەنە ئەرەبلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مۇكەننا قوزغىلىڭىغا قاتناشقان.

بۇخارا خانلىقى

  • بۇخارا خانلىقى[يەشمىسى:]ⅩⅥ ئەسىردىن ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە مەۋجۇت بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى فېئوداللىق دۆلەت. ئامو دەرياسىنىڭ شەرقىي شىمالىي رايونىدا 1500-يىلى ئۆزبېكلەرنىڭ باشلىقى شەيبانى خان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تېمۇرىيلەر ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، شەيبانىيلار سۇلالىسىنى (1500 — 1598) قۇرغان. ئەسلىدىكى پايتەختى سەمەرقەند بولۇپ، 1561-يىلى پايتەختىنى بۇخاراغا (Bukhara) كۆچۈرگەنلىكتىن، خانلىقمۇ بۇخارا خانلىقى دەپ ئاتالغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دۆلەت كۈچىيىپ، پەرغانە، تاشكەنت ۋە خوراسانلارنى تارتىۋالغان. ئاستىراخان خاندانلىقى (Astrakhan) ياكى جانىد خاندانلىقى (Janid) ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە (1599 — 1753) فېئوداللىق ئىچكى نىزالار ھەم قوشنا مەملىكەتلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش قىلىش ئاقىۋىتىدە كۈچى زەئىپلەشكەن.1740-يىلى بىر مەزگىل پېرسىيە پادىشاھى نادىر شاھ تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. ماڭغىت( Mangyt) خانلىقى ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە (1753 — 1920) خىۋا خانلىقى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇشقان. كېيىن روسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپكە قاراپ كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، 1868-يىلغا كەلگەندە روسىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان. 1920-يىلى فېئودال ھۆكۈمرانلىق ئاغدۇرۇلۇپ، بۇخارا خەلق سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1925-يىلى نامى ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن.

بۇخارېست سۈلھ شەرتنامىسى

  • بۇخارېست سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] 1806 — 1812-يىللاردىكى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرغان سۈلھ شەرتنامە. 1812-يىل 5-ئاينىڭ 28-كۈنى بۇخارېستتا تۈزۈلگەن. شەرتنامىگە ئاساسەن، روسىيە بىلەن تۈركىيە پرۇت دەرياسىنى چېگرا قىلىپ، روسىيە بېسسارابىيە بىلەن سىرتقى كاپكازدىكى بىر قىسىم جايلارغا ئىگە بولغان؛ سېربىيە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلغان؛ مولداۋىيە بىلەن ۋالاخىيە يەنىلا تۈركىيىگە تەۋە بولغان. روسىيە سودا كېمىلىرىنىڭ دوناي دەرياسىدا قاتنىشىغا، روسىيە ھەربىي كېمىلىرىنىڭ پرۇت دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى جايلاردا چارلاش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلغان، شەرتنامە روسىيىنىڭ ستراتېگىيىلىك ئورنىنى ياخشىلىغان.

بۇخارېست كومىتېتى

  • بۇخارېست كومىتېتى[يەشمىسى:] 1853-يىلى رومىنىيىدە تۇرۇۋاتقان بۇلغارىيە مۇھاجىرلىرى قۇرغان مىللىي ھەرىكەت تەشكىلاتى. 1853 — 1868-يىللىرى بۇلغارىيە بۇرژۇئا مىللىي ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1862-يىلى نامىنى ئەخلاق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئەترىتىگە ئۆزگەرتكەن. گېئورگىيېۋ، پالالېت قاتارلىق كىشىلەر رەھبەرلىك قىلغان. كۈچلۈك دۆلەتلەرگە، ئالدى بىلەن روسىيىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، بۇلغارىيىنى تۈركىيىنىڭ زۇلۇم ۋە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 60-يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا سېربىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بۇلغارىيە بىلەن سېربىيىنىڭ بىرلىشىپ يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقىنى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان. 1868-يىلى بۇلغارىيە ئاپتونومىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرگە مۇراجىئەت قىلغان. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئىچكى ئىختىلاپ تۈپەيلىدىن تارقىلىپ كەتكەن. بىر بۆلۈك ئەزالىرى بۇلغارىيە ئىنقىلابى مەركىزىي كومىتېتىغا قاتناشقان.

بۇخارېست يىغىنى

  • بۇخارېست يىغىنى[يەشمىسى:] 1960-يىل 6-ئاينىڭ 24-، 26-كۈنلىرى، 12 دۆلەتنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە ئىشچىلار پارتىيىسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ بۇخارېستتا رومىنىيە كومپارتىيىسىنىڭ 3-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە ئاچقان يىغىنى. قاتناشقۇچىلار: ئالبانىيە، بۇلغارىيە، ۋېنگرىيە، ۋيېتنام، سابىق گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، جۇڭگو، چاۋشيەن، سابىق موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى، پولشا، رومىنىيە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە چېخوسلوۋاكىيىدىن ئىبارەت. ئەسلىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر كوممۇنىستىك پارتىيىلىرى ۋە ئىشچىلار پارتىيىلىرى يىغىنغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە پىكىر ئېلىش ۋە ھېچقانداق قارار ماقۇللىماسلىققا كېلىشكەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىك گۇرۇھى ئۆز لەۋزىدە تۇرماستىن، يىغىندىن ئىلگىرى «سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە خېتى» نى تارقىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە بوھتان چاپلىغان ۋە ھۇجۇم قىلغان. يىغىندا خرۇششېۋ جۇڭگو كومپارتىيىسىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىشنى ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە سۆھبەتنىڭ ئاخبارات لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاخباراتنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا ھەرقايسى پارتىيىلەردىن پىكىر ئېلىنمىغان، بەلكى يەنە سۆھبەتتە يېتەرلىك دەرىجىدە نورمال مۇزاكىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا يول قويۇلمىغان. بۇ ئىش تۈپەيلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تىغمۇ تىغ كۈرەش ئېلىپ بارغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇملۇقنى نەزەردە تۇتۇپ، تۈزىتىلگەن لايىھىنى مۇزاكىرىگە قويغان ھەمدە سۆھبەت ئاخباراتىغا ئىمزا قويغان。 يەنە 6-ئاينىڭ 26-كۈنى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: كەسكىن ھالدا «پارتىيىمىز پەقەت ماركسىزم-لېنىنىزم ھەقىقىتىگىلا ئىشىنىدۇ. ئەكسىچە ماركسىزم-لېنىنىزمغا خىلاپ كېلىدىغان خاتا كۆز قاراشلارغا ھەرگىزمۇ تىز پۈكمەيدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

بۇخارىن

  • بۇخارىن[يەشمىسى:]Николай Иванович Бухарин، 1888 — 1938) سوۋېت ئىتتىپاقى «ھەقىقەت گېزىتى» نىڭ باش تەھرىرى. موسكۋادا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. موسكۋا داشۆسىدە ئوقۇغان. 1906-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكرات ئىشچىلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. 1908-يىلى موسكۋا پارتكومىنىڭ ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلانغان. كۆپ قېتىملاپ تۈرمىگە ئېلىنغان، سۈرگۈن قىلىنغان. 1911-يىلى گېرمانىيىگە قېچىپ بارغان، ئىككىنچى يىلى ۋېناغا كۆچۈپ كېلىپ، «ھەقىقەت گېزىتى» بىلەن «چولپان» ژۇرنىلىغا ماقالە يېزىپ تۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاش ھارپىسىدا، ئاۋسترىيىدىن قوغلىنىپ، شۋېتسىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارغان. 1916-يىلى نيۇ-يوركتا رۇسچە «يېڭى دۇنيا» گېزىتىدە تەھرىرلىك قىلغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ، روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، موسكۋا سوۋېت ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، پارتىيىنىڭ موسكۋا كومىتېتى ئەزالىقىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزالىقىغا سايلانغان، «سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ئەزالىرى» گېزىتىنىڭ ۋە «سپارتاك» ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى بولغان. 1917-يىلى 10-ئايدا موسكۋا ھەربىي ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئۇزۇن مۇددەتكىچە «ھەقىقەت گېزىتى» نىڭ باش تەھرىرى بولغان. 1918-يىلى ئۆزىنى «سولچى كوممۇنىزمچىلار» دەپ ئاتاپ، «برېست شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا قارشى تۇرغان. 1920-يىلىدىن ئېتىبارەن كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1924-يىلىدىن باشلاپ روسىيە كوممۇنىستلار (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1928 — 1929-يىللىرى، دۆلەتنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كوللېكتىپلاشتۇرۇشقا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولغانلىقتىن، تەنقىدكە ئۇچرىغان. 1929-يىلى «ھەقىقەت گېزىتى» نىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ھەمدە سىياسىي بيۇرودىن چىقىرىۋېتىلگەن، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالمۇ ئۇنى ھەيئەت رىياسىتى ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان. 1931-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي خەلق ئىگىلىكى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. 1934 — 1937-يىللىرى «خەۋەر گېزىتى» نىڭ باش تەھرىرى ھەمدە موسكۋا داشۆسىنىڭ قوشۇمچە پروفېسسورى بولغان. 1937-يىلى پارتىيىدىن قوغلانغان. 1938-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى رىكوۋ قاتارلىق 16 ئادەم بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ «دۇنيا ئىقتىسادى ۋە جاھانگىرلىك»، «كوممۇنىزم ھەققىدە A ، B ، C»، «ئۆتكۈنچى دەۋردىكى ئىگىلىك»، «تارىخىي ماتېرىيالىزم نەزەرىيىسى»، «ماركسىزمچى لېنىن» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

بۇداپېشت كېلىشىمى

  • بۇداپېشت كېلىشىمى[يەشمىسى:] 1887-يىلى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن روسىيە تۈزگەن مەخپىي كېلىشىم. 1876-يىلىنىڭ ئاخىرى روسىيە تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىشقا تەييارلىنىپ، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىتەرەپ ئورۇندا تۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، 1877-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، روسىيىنىڭ ۋېنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نوۋىكوۋ بىلەن ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئاندراشى بۇداپېشتتا مەخپىي ئىمزالىغان. ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىدا بىتەرەپ ئورۇندا تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغان ھەمدە بوسنىيە، گېرتسېگوۋىناغا ئىگە بولۇش، ئەمما رومىنىيە، سېربىيە، بۇلغارىيە ۋە كراناگورالارغا كېڭەيمىچىلىك قىلماسلىق شەرتى بىلەن، سېربىيە ۋە كراناگورانىڭ روسىيە تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىغا ماقۇل بولغان. روسىيىمۇ بوسنىيە، گېرتسېگوۋىنا، سېربىيە ۋە كراناگورالارغا كېڭەيمىچىلىك قىلماسلىققا كاپالەت بەرگەن. 3-ئاينىڭ 18-كۈنى يەنە قوشۇمچە ماددىلار بېكىتىلگەن. كېيىن ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى مەزكۇر كېلىشىم بويىچە بوسنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنانى بېسىۋېلىپ، ئاۋسترىيە بىلەن روسىيىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يامانلاشقان. 

بۇددا

  • بۇددا[يەشمىسى:] سانسىكرتچە Buddha نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. قىسقىچە بۇد ياكى «بۇدساتۋا» دەپ ئاتىلىپ، «ئويغانغۇچى» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. بۇددىزمغا ئاساس سالغۇچى ساكيامونىنىڭ ھۆرمەت نامى.

بۇددا دىنى

  • بۇددا دىنى[يەشمىسى:]دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ بىرى. قەدىمكى ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشچە، بۇ دىنغا مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە ئۆتكەن ساكيامونى ئاساس سالغان. دەسلەپكى ۋاقىتتا ئۇ براخمانلار تائىپىسىنىڭ ئىمتىيازىغا قارشى چىققان، دىنىي ساھەدە ھەرقايسى تائىپىلەر ئارىسىدىكى قاتتىق چەك-چېگرىنى بىكار قىلىشقا تىرىشقان، «ھەممە كىشى تۇغۇلۇش بىلەن باراۋەر» دېگەن ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇڭا مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە. بىراق ئۇ، تائىپە تۈزۈمىنىڭ رېئال باراۋەرسىزلىك مۇناسىۋىتىگە چېقىلمىغان، چېقىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. دەسلەپكى دەۋردىكى بۇددا دىنىنىڭ ئاساسىي دىنىي ئەقىدىسى جادۇر ساتىيا تەلىماتى، يەنى، دوكاساتيا، سامۇدياساتيا، نىروداساتيا، مارغاساتيادىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ كىشىلىك تۇرمۇشنى سەۋەب-نەتىجە ئايلىنىپ تۇرىدىغان بىر ئازاب -ئوقۇبەت دېڭىزى دەپ قاراپ، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن نەپسىي ئارزۇ-ھەۋەستىن خالىي بولۇپ، نىجاتلىق ئىزدەش، ئۆز-ئۆزىدىن دۇئا-ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىش يولى (سەككىز توغرا يول ) ئارقىلىق نىرۋانا مەنزىلگە (يەنى، تۇغۇلمايدىغان، ئۆلمەيدىغان مەڭگۈ ئەركىن ئالىي غايىۋى مەنزىل) گە يېتىش كېرەك، دەپ قارىغان. ساكيامونى ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇددا دىنى ھىندىستان زېمىنىدا كۈنسېرى كېڭىيىپ بارغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرگە كەلگەندە مائۇرىيە (توز) خاندانلىقى پادىشاھى ئاسوكا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلەنگەن. تەخمىنەن Ⅰ ئەسىر ئەتراپىدا ماھايانا (بۇنى قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۇلۇغ كۆلۈڭگۈ دەپئاتىغان— ت) بۇددىزمى گۈللىنىپ، دەسلەپكى دەۋردىكى بۇددىزم تەلىماتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ راۋاجلاندۇرغان؛ ئەسلىدىكى ساكيامونىنىڭ ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرغان بىر قىسىم بۇددىزمچىلار ھىنايانا («يانا» — ئولتۇرۇش، توشۇش مەنىسىدە) دەپ ئاتالغان. بۇددىزمنىڭ ئاساسلىق نومى — سۇترا (بۇددا بايانى)، ۋېنايا (راھىبلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەمىر-مەرۇپلار)، ئابىھىدارما (بۇددا تەپسىرى) دىن ئىبارەت تېرىپىتىكا (ئۈچ نوم) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. Ⅶ ئەسىردىن كېيىن، ماھايانانىڭ بىر قىسىم مەزھىپى براخمان دىنى بىلەن قوشۇلۇپ دىخارانى (خۇپىيانە دىن) نى ھاسىل قىلغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇددا دىنى ھىندىستاننىڭ ئۆزىدە يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. ئاسوكا دەۋرىدىن باشلاپ Ⅱ ئەسىردىكى كۇشان خاندانلىقىنىڭ خانى كانىشكا دەۋرىگىچە بولغان ئارىلىقتا بۇددا دىنى قەدىمكى ھىندىستاننىڭ سىرتىدا ئۈزلۈكسىز تارقىلىپ، دۇنياۋى دىنغا ئايلانغان. بۇددىزمنىڭ جۇڭگوغا تارقىلىشىنى ئادەتتە غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى خەن يۇەندېنىڭ بىرىنچى يىلى (مىلادىدىن 2 يىل ئىلگىرى) دەپ قارالماقتا. «ۋېينامە. ساكيامونىنىڭ تەرجىمىھالى» دە قەيت قىلىنىشىچە، ئەينى زاماندىكى ئۇلۇغ توخرىيلار (كۇشان) پادىشاھىنىڭ ئەلچىسى ئېسون جۇڭگوغا كېلىپ بۇددا نومىنى ئاغزاكى سۆزلەپ بەرگەن؛ يەنە شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى خەن مىڭدىنىڭ يۇڭپىڭ يىللىرى (Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى) تارقالغان دېگەننى تەشەببۇس قىلغۇچىلارمۇ بار. شەرقىي خەن سۇلالىسىدىن ئېتىبارەن، ئۇلۇغ توخرىيلار، ئارساك، ھىندىستان ۋە سوغدىيانا (Sogdiana) قاتارلىق ئەللەرنىڭ نۇرغۇن راھىبلىرى جۇڭگوغا كېلىپ دىن تارقاتقان.

بۇدداگايا

  • بۇدداگايا[يەشمىسى:]Buddhagaya) قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا بۇدساتۋانىڭ تاۋچاڭى (Budhimanda) دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىپ كەلگەن. بۇددىزمنىڭ مۇقەددەس جايى. ھازىرقى ھىندىستاننىڭ بىھار شتاتى فارگو دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى گايا شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ساكيامونى مۇشۇ يەردىكى فىكوس دەرىخى تۈۋىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تەرىقەت تەھسىل قىلغانىكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە پادىشاھ ئاسوكا بۇ يەرگە چوڭ سەدىقە سارىيى سالدۇرغان. جۇڭگولۇق كاتتا راھىب شۇەنزاڭنىڭ «ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى» دا بىرقەدەر تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. ئەڭ قەدىمكى ئاسار-ئەتىقىلەردىن مائۇرىيا خاندانلىقى دەۋرىدىكى ۋاجرا (Vajra) تەختى، ئۇنىڭدىن قالسا سەدىقە سارىيى ئەتراپىدىكى رېشاتكا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردە سېلىنغان) لار بار بولۇپ، قەدىمكى زامان بۇددىزم نەپىس سەنئىتىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مىراسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدىن يەنە كىچىك مۇنارە، كىچىك ئىبادەتخانا، تاش ھەيكەل، ئابىدە تاختىلىرى قاتارلىقلارمۇ تېپىلغان، بۇلارنىڭ كۆپى پارا خاندانلىقى (Para) دەۋرىگە مەنسۇپ يادىكارلىقلاردۇر. ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان سەدىقە سارىيى 1870-يىلى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگىنى بولۇپ، يۇقىرى-تۆۋەن ئىككى قىسىمدىن تەشكىل تاپقان. تۆۋەن قىسمىدا چوڭ بىر چاسا سۇپا بار. يۇقىرى قىسمىدىكى سۇپىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا چاسا كونۇسسىمان چوڭ بىر مۇنار سېلىنغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 53 مېتر كېلىدۇ، چوڭ مۇنارنىڭ تۆت بۇرجىكىدە چاسا كونۇسسىمان كىچىك مۇنارلىرى بار. بۇددا گايا ھازىرقى ھىندىستاندىكى تۆت چوڭ بۇددىزم مۇقەددەس يادىكارلىقلىرىنىڭ بىرى.

بۇدساتۋانىڭ تۆرەلمىش سۇتراسى

  • بۇدساتۋانىڭ تۆرەلمىش سۇتراسى[يەشمىسى:] يەنى «تۆرەلمىش سۇتراسى»، ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە «جاتاكا» (Jatakas) بولۇپ، بۇددىزمغا ئاساس سالغۇچى ساكيامونىنىڭ ئىلگىرىكى ھاياتىغا دائىر ھېكايىلەر توپلىمى. بۇ، سۇترا پىتكانىڭ «ساميىئۇكتاگاما» («كىچىك ئاگاھ») غا كىرىدۇ. پۈتۈن كىتاب 550 تەك ھېكايىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈزۈلگەن يىللىرىدا كۆپ قىسىم نەزمىلىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىن بۇرۇن يېزىلغان، نەسرىي شەكىلدىكىلىرىنىڭ كۆپى ئېھتىمال مىلادىدىن كېيىن يېزىلغان بولسا كېرەك. بۇنىڭدا ئاساسەن بۇدساتۋانىڭ ئىلگىرىكى ھاياتىدا قىلغان خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى، كۆرسەتكەن خىزمىتىگە ئائىت مەسەل-ھېكايىلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، كۆپى خەلق ئىچىدىكى رىۋايەتلەردىن ئېلىنىپ، كېيىن بۇددا مۇرىتلىرى تەرىپىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، شۇنىڭدەك بۇددىزمنىڭ ئاساسى دىنىي ئەقىدىلىرى سىڭدۈرۈلگەن. ئومۇمەن ئالغاندا، بىرمۇنچىلىغان مۇنەۋۋەر، ساغلام مەزمۇن ساقلىنىپ قالغان. بۇ، بۇددىزم ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ ھەمدە قەدىمكى ھىندىستاننىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بۇرادەرلەر ئۇيۇشمىسى

  • بۇرادەرلەر ئۇيۇشمىسى[يەشمىسى:]رومىنىيىدىكى مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات. 1843-يىلى ن. بولچېسكو، يون گىكا (Ion Ghica، 1817 — 1897) ۋە خ، تېل (Chnistian Tell، 1807 — 1884) لارنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان بولۇپ، فېئوداللىق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. قاتناشقۇچىلىرى بۇرژۇئازىيە، لىبېرالىست پومېشچىكلار، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە، ئىشلەمچى ۋە قۇل دېھقانلاردىن ئىبارەت. 1848-يىلدىكى رومىنىيە ئىنقىلابىنىڭ ئىدىيىۋى ۋە تەشكىلىي تەييارلىقلىرى جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغان. رەھبەرلىرىنىڭ كۆپچىلىكى 1848-يىلىنىڭ بېشىدا 13 كىشىلىك رەھبەرلىك كومىتېتىغا قاتناشقان. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، كىنەز ستۇردزا (Mihail Sturdza) تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. ئامان قالغان ئاز ساندىكى كىشىلەر چەت ئەللەردە داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

بۇرادەرلىك (قانداشلىق)

  • بۇرادەرلىك (قانداشلىق)[يەشمىسى:]گرېكچە Phratria ياكى Phratry، «ئاكا-ئۇكىلىق مۇناسىۋەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئۇرۇق بىلەن قەبىلە ئوتتۇرىسىدىكى بىر دەرىجە تەشكىلاتقا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە بىر ئىپتىدائىي ئۇرۇق ھەمدە ئۇنىڭدىن بارلىققا كەلگەن. بىرقانچە ئۇرۇقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئۇ ئۆزئارا ئورتاق ئەجدادقا ئىگە بولغان بۇرادەر-قانداشلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە. قەدىمكى گرېكلار، رىملىقلار (كورىيە دەپ ئاتىلىدۇ) ۋە يېقىنقى زاماندىكى شىمالىي ئامېرىكا ئىندىئانلىرىنىڭ كۆپلىگەن قەبىلىلىرىنىڭ ھەممىسىدە بار. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئاساسەن دىنىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش، مەسىلەن: دىنىي مۇراسىملارنى باشقۇرۇش، قوۋمنى بىرلىك قىلىپ، قەبىلە مەسلىھەت يىغىنلىرىنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش، ئاشكارا ماھارەت كۆرسىتىشكە، ئاممىۋى زىياپەت، مەشھۇر زاتلارنىڭ دەپنە مۇراسىملىرى ۋە ۋايىغا يەتكەنلەرنىڭ مۇراسىمىنى باشقۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇرادەرلىك تەشكىلاتى بەزى چاغلاردا قوۋملەر ئارىسىدىكى جېدەل-ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلاتتى، ئۇرۇق ئاقساقاللىرىنىڭ سايلىمىنى تەستىقلايتتى. كۆپىنچە ھاللاردا ھەربىي تەشكىلاتلار بىلەن بىرىكىپ كېتەتتى. ھەربىر ئۇرۇق ئەزاسى ئۆزلىرىنىڭ قوۋم ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىپ، قوۋم بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقاتتى، ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلاتتى. لېكىن بۇرادەرلىك ئۇرۇق ۋە قەبىلە ئوتتۇرىسىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ھالقا ئەمەس، شۇڭا ھەممىلا يەردە مەۋجۇت بولغانمۇ ئەمەس.

بۇربانك

  • بۇربانك[يەشمىسى:]Luther Burbank، 1849 — 1926) ئامېرىكىلىق بوتانىك. ماسساچۇسېت شتاتىدا تۇغۇلغان. 1875-يىلى كالفورنىيىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە تايىنىپ، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش جەھەتتە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن. جەمئىي 800 خىلغا يېقىن يېڭى كۆكتات، مېۋىنى يېتىشتۈرگەن. مېۋىلىك دەرەختىن ئۇرۇقسىز ئالۇچا، تىكەنسىز قارا بۆلجۈرگەن، ئالۇچا بىلەن ئۆرۈكنىڭ چەتتىن چېتىشتۇرغان تۈرى — ئالۇچا ئۆرۈكى قاتارلىقلار؛ كۆكتاتلاردىن: پەمىدۇر، كاۋا، سەرەبىل ۋە كۆك پۇرچاق قاتارلىق يېڭى سورتلار بار؛ مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرىدىن: ئەتىرگۈل، ئەپيۇنگۈل گۈلى، ئاق نېلۇپەر گۈلى قاتارلىقلار بار ھەمدە تىكەنسىز كاكتوسنى يېتىشتۈرۈپ، قۇرغاق رايونلارنىڭ يەم-خەشەك مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. ئۇنىڭ ئۇرۇق يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇلى تاللاش ۋە يىراق قانداشلىقلارنى چەتتىن چېتىشتۇرۇشتىن ئىبارەت. جانلىقلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش نەزەرىيىسىدە ئۆزىگە خاس كۆز قاراشقا ئىگە. ئۇنىڭ «ئۆسۈملۈكلەرنى قانداق قىلغاندا ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ؟» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

بۇرتون

  • بۇرتون[يەشمىسى:]Richard Francis Burton، 1821 — 1890) ئەنگلىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى، شەرقشۇناس. ئوفىتسېر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1842-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. كېيىن ئەنگلىيە-ھىندىستان قوشۇنىغا قاتنىشىپ، ھىندىستاننىڭ سىندتا تۇرۇپ، پارىس، ھىندى ۋە ئەرەب تىللىرىنى ئۆگىنىۋالغان. 1853-يىلى ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنى ئايلىنىپ چىققان، مەككە، مەدىنىگە بېرىپ ھەج قىلغان. 1854-يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۇمالىنى تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان. نىل دەرياسىنىڭ مەنبەسىنى ئىزلەپ تېپىش ئۈچۈن ئېفىئوپىيىدىكى ھارار (Harar) غا بارغان. 1856-يىلى سىپېك بىلەن يەنە ئافرىقىغا كېلىپ، زانزىبار ئارىلىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇققا ئىچكىرىلەپ كىرگەن. 1858-يىلى 2-ئايدا تانگانىكا كۆلى رايونىغا يېتىپ كېلىپ، ئەڭ بۇرۇن بۇ كۆلگە يېتىپ بارغان ئىككى نەپەر ياۋروپالىقنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 1861-يىلىدىن باشلاپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارى بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن ئافرىقا، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە كونسۇل بولۇپ تۇرغان ھەمدە ئېكسپېدىتسىيە ۋە ساياھەت پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. بىئافولا قولتۇقىنى چارلاپ چىققان، ئالتۇن قىرغاق، كامېرون ۋە داھۇمىيە (بېنىن) دا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 40 تومدىن كۆپرەك ئەسەر يازغان بولۇپ، ئاساسلىقى «ئېكۋاتور ئافرىقىسى كۆل رايونى» ناملىق ئەسىرى بار. ئۇ، يەنە 16 توملۇق ئەرەبچە «ئەلفلەيلى ۋە لەيلى» نى «مىڭبىر كېچە» قىلىپ ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان.

بۇرژۇئا سوتسىيالىزمى

  • بۇرژۇئا سوتسىيالىزمى[يەشمىسى:] مۇتەئەسسىپ سوتسىيالىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سوتسىيالىزم بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىق پىكىر ئېقىمى. ⅩⅨئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا كاپىتالىزم زىددىيەتلىرى كۈندىن-كۈنگە ئاشكارىلانغان. ياۋروپا بۇرژۇئازىيىسى ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر، جۈملىدىن ئىقتىسادشۇناسلار، مېھرىبانلىق تەرەپدارلىرى، ئىنسانپەرۋەرلەر، ئەمگەكچىلەر سىنىپىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلىغۇچىلار، خەير-ئېھسان ئىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار، ھاراقنى چەكلەش ھەرىكىتى جەمئىيىتىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار ۋە خىلمۇ خىل ئۇششاق ئىسلاھاتچىلار، بۇرژۇئا جەمئىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى يوقاتماقچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بۇرژۇئا سوتسىيالىزمى مەيدانغا كەلگەن. پرۇدوننىڭ «نامراتلىق پەلسەپىسى» ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار كاپىتالىزمنىڭ ئىللەتلىرىنى تىنچ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى (مەسىلەن، خەير-ئېھسان ئىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىقلار) بىلەن يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ماھىيەتتە سىنىپىي زىددىيەتنى كېلىشتۈرۈپ، پرولېتارىياتنى كاپىتالىزمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش يولىدىكى ئىنقىلابىي كۈرەشتىن ۋاز كەچتۈرۈپ، كاپىتالىزمنى ساقلاپ قالماقچى بولغان. ماركس بىلەن ئېنگېلس «پەلسەپە نامراتلىقى» ۋە «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» دە بۇنى چوڭقۇر تەنقىد قىلغان.

بۇركھارت

  • بۇركھارت[يەشمىسى:]Jakop Burckardt، 1818—1897) شۋېتسارىيىلىك تارىخشۇناس. بازېلدا تۇغۇلغان.1839 — 1843-يىللىرى بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىخ ئوقۇغان. 1844 — 1855- يىللىرى بازېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى ھەم قوشۇمچە «بازېل گېزىتى» نىڭ مۇھەررىرى بولغان.1855 — 1858-يىللىرى زورېش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، 1858-يىلىدىن كېيىن بازېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ۋە سەنئەت تارىخى پروفېسسورى بولغان. «ئىمپېراتور كونستانتىنⅠ دەۋرى»، «مەدەنىيەت-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئىتالىيە مەدەنىيىتى»، «يولباشچى» قاتارلىق ئەسەرلىرى، يەنە «تارىخ توغرىسىدا پىكىرلەر» قاتارلىق لېكسىيە ئورىگىنالى بار.

بۇركې

  • بۇركې[يەشمىسى:]Edmund Burke، 1729 — 1797) ئەنگلىيە تارىخ پەيلاسوپى ۋە سىياسىي ئوبزورچىسى. دۇبلىن 1-مارت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1758-يىلى «دەۋر» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان. 1766-يىلى تۆۋەن پالاتاغا قاتنىشىپ، ۋىگلار پارتىيىسىنىڭ مۇھىم ئەربابى بولۇپ قالغان. پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىشكە قارشى تۇرغان، شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكىلىرىنى يۇمشاق ۋاسىتە بىلەن بېقىندۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ سودا ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئەنگلىيە دائىرىلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى ئادالەتسىز ھەرىكىتىگە ھۇجۇم قىلغان. كېيىن فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغا قارشى تۇرغانلىقتىن ۋىگلار پارتىيىسىدىن ئايرىلغان. ئۇنىڭ «فرانسىيە ئىنقىلابىدىن ئەسلىمە»، «شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكىلىرى باج تۈزۈمى توغرىسىدا» ۋە «مۇستەملىكىلەر بىلەن يارىشىش توغرىسىدا» ناملىق ئەسەرلىرى بار.

بۇرگۇندى

  • بۇرگۇندى[يەشمىسى:]Burgundy، فرانسۇزچە Bourgogne) غەربىي ياۋروپادىكى قەدىمىي رايوننىڭ نامى. بۇ رايوننىڭ زېمىن تەۋەلىكى ۋە دائىرىسى كۆپ قېتىم ئۆزگەرگەن. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى گېرمانلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان بۇرگۇندىلار (لاتىنچە Burgundii دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان) سونې (Saone) دەرياسى ۋە رونىي (Rhone) دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ ۋادىلىرىنى ھەمدە شۋېتسارىيىنىڭ غەربىي قىسمىنى بېسىۋېلىپ، بۇرگۇندى پادىشاھلىقىنى قۇرغان، لېئوننى پايتەخت قىلغان. Ⅵ ئەسىرگە كەلگەندە فرانكلار تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنىپ، فرانكى پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. Ⅸ ئەسىرگە كەلگەندە چارلېس ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئىككى پادىشاھلىققا بۆلۈنۈپ كەتكەن. يەنى: (1)879-يىلى قۇرۇلغان تۆۋەنكى بۇرگۇندى پادىشاھلىقى بولۇپ، زېمىنى رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىن باشلىنىپ سونې دەرياسى ۋە رونىي دەرياسى ۋادىسىدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا دېڭىزغىچە سوزۇلغان. (2) 888-يىلى قۇرۇلغان يۇقىرى بۇرگۇندى پادىشاھلىقى بولۇپ، زېمىنى ساۋوي (Savoy) نىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شۋېتسارىيىنىڭ غەربىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 933-يىلى يۇقىرى ۋە تۆۋەنكى بۇرگۇندى پادىشاھلىقى قوشۇلۇپ ئارلېس پادىشاھلىقى بولۇپ قۇرۇلغان. يەنە بۇرگۇندى پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتالغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇرگۇندى رايونىدا بۇرگۇندى بەگلىكى (فرانىس-كومتې دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە بۇرگۇندى كىنەزلىكى قۇرۇلغان. 

بۇرگۇندى خاندانلىقى

  • بۇرگۇندى خاندانلىقى[يەشمىسى:] پورتۇگالىيىدىكى فېئودال خاندانلىق (1139-ياكى 1143 — 1383). 1095-يىلى لېۋىن بىلەن كاستىللا كورۇلى ئالفۇنسو Ⅵ بۇرگۇندى كىنەزنىڭ تۇغقىنى ھېنرى (Henri) نى پورتۇگالىيە گرافى قىلغان. 1139-يىلى ھېنرىنىڭ ئوغلى ئالفۇنسو پادىشاھلىق تەختكە ئولتۇرۇپ، بۇرگۇندى خاندانلىقىنى قۇرغان. 1143-يىلى ئالفۇنسو Ⅶ ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۆتكەن پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان يىللىرى مۇنداق: ئالفۇنسوⅠ (1139 — 1185)، سانچوⅠ (Sancho Ⅰ، 1185 — 1211). ئالفۇنسو Ⅱ (1211 — 1223)، سانچو Ⅱ (1223 — 1248)، ئالفۇنسو Ⅲ (1248 — 1279)، دىنىز (Diniz،1279 — 1325)، ئالفۇنسو Ⅳ(1325 — 1357)، پېدرو Ⅰ (1357—1367)، فېرناندو Ⅰ (1367 — 1383)، 1385-يىلى ئاۋىس خاندانلىقى باش كۆتۈرۈپ چىققان.

بۇرگۇندى كىنەزلىكى

  • بۇرگۇندى كىنەزلىكى[يەشمىسى:] مىلادى Ⅸ ئەسىردە بۇرگۇندى پادىشاھلىقى («بۇرگۇندى»غا قاراڭ) نىڭ بىر قىسىم زېمىنىدا شەكىللەنگەن كىنەزلىك. فرانسىيە پادىشاھىغا بېقىندى بولغان. ⅩⅥ — ⅩⅤ ئەسىرلەردە ئەمەلىي جەھەتتىن مۇستەقىللىك ئورۇنغا ئېرىشكەن ھەمدە فرانسىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە ئامالىنىڭ بارىچە توسقۇنلۇق قىلغان. كىنەز فىلىپ (چوڭ يۈرەك)(Philippe Le Handi،1364—1404-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نىدىرلاند زېمىنىدىكى فوراندىس ۋە فرانىس-كومتې قاتارلىق جايلارنى بىرلەشتۈرگەن. كىنەز فىلىپ (ياخشى ئادەم) (Philippe Le Bon، 1419 — 1467-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان)يەنە نىدىرلاند زېمىنىدىكى نانۇ (Hainat)، ھوللاند (Holland)، زېلاند (Zeeland)، نامۇر(Namur)، برابانت (Brabant)، لىمبۇرگ (Limburg) ھەمدە ليۇكسېمبۇرگلارنى قوشۇۋالغان. نىدىرلاند بارا-بارا بۇرگۇندى كىنەزلىكىنىڭ مەركىزىي رايونىغا ئايلىنىپ قالغان. فىلىپ (ياخشى ئادەم) 1463-يىلىدىن باشلاپ نىدىرلاند ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى چاقىرغان. كىنەز چارلېس(قورقماس يۈرەك)(1467 — 1477-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان)ئالساس ۋە لوررىن قاتارلىق جايلارنى بېسىۋېلىش قەستىدە بولغان. لېكىن 1477-يىلى فرانسىيە تەرەپ قوللىغان شۋېتسارىيە لوررىن بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. شۇ يىلى بۇرگۇندى كىنەزلىكىنىڭ زېمىنىنى فرانسىيە ئىشغال قىلغان. نىدىرلاند خابىسبۇرگ خاندانلىقىغا (1482-يىلى رەسمىي قۇرۇلغان) تەۋە بولۇپ كەتكەن. 

بۇرگۇندى گۇرۇھى

  • بۇرگۇندى گۇرۇھى[يەشمىسى:] «ئامانياك گۇرۇھى» غا قاراڭ.

بۇرگېنلاند مەسىلىسى

  • بۇرگېنلاند مەسىلىسى[يەشمىسى:] بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاۋسترىيە بىلەن ۋېنگرىيە ئوتتۇرىسىدىكى زېمىن ماجىراسى. ۋېنگرىيىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى پرېسبۇرگ (Pressburg)، ۋېسېلبۇرگ (Wieselburg)، ئۆدېنبۇرگ (Odenburg) ۋە ئېسسېنبۇرگ(Eisenburg) تىن ئىبارەت تۆت شتاتنىڭ نامىنىڭ ئاخىر ھەممىسىلا (burg) بولغانلىقتىن، بۇ رايونلار بىرلەشتۈرۈلۈپ «بۇرگېنلاند» (Burgenland، قەلئە شتاتى)دەپ ئاتالغان. بۇ رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپچىلىكى گېرمان تىلىدا سۆزلىشەتتى. 1919-يىلىدىكى «مۇقەددەس گېرمانىيە سۈلھ شەرتنامىسى» ۋە 1920-يىلىدىكى «ترىيانون سۈلھ شەرتنامىسى» گە ئاساسەن بۇ رايون ئاۋسترىيىگە بۆلۈپ بېرىلگەچكە، ۋېنگرىيە-ئاۋسترىيە زېمىن ماجىراسى كېلىپ چىققان. ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە چېگرىسىغا مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان. 1921-يىلى 8-ئايدا، ئاۋسترىيە ژاندارمىسى بۇرگېنلاندقا كىرگەن ۋاقتىدا ۋېنگرىيە ئارمىيىسى بىلەن خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، كېيىن ئىتالىيىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئۆدېنبۇرگنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىنى خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق بېكىتىش تەكلىپى بېرىلگەن بولسىمۇ، نەتىجىسىز قالغان. ئەڭ ئاخىرىدا بۇرگېنلاند ئاۋسترىيە بىلەن بىۋاسىتە قوشۇلماستىن، بەلكى ئۆز ئالدىغا فېدېراتسىيە دۆلىتى بولۇپ، ئاۋسترىيە ئىتتىپاقىغا قاتنىشىش بەلگىلەنگەن. 1921-يىلى 12-ئايدا ئاۋسترىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان.

بۇرلار

  • بۇرلار[يەشمىسى:] جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ياۋروپالىقلار (ئاساسلىقى گوللاندىيىلىكلەر) نىڭ ئەۋلادلىرى. بۇر (Boer) گوللاندىيە تىلى بولۇپ، ئەركىن دېھقان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 1652 -يىلى گوللاندىيە كاپې مۇستەملىكە رايونىنى قۇرغان. 1656-يىلى گوللاندىيىنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتى كاپې مۇستەملىكە رايونى شىركىتىدىكى ياللانمىلارنىڭ ئۆز يېرىدە ئەركىن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى قۇرۇشقا يول قويۇش يۈزىسىدىن تارقىتىپ بېرىلگەن «ئەركىن تىجارەت قىلىش گۇۋاھنامىسى» دا ئەڭ دەسلەپ «بۇر پۇقرالىرى» دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنغان، كېيىن ياۋروپالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئافرىقىلىق (Afrikaners) لار گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرگەن، ھەممىسىلا ئافرىقا تىلى (شالغۇتلاشقان گوللاندىيە تىلى) دا سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن، بۇرلارمۇ ئافرىقىلىقلار دەپ ئاتالغان. دەسلەپكى بۇرلارنىڭ تولىسى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ خوجايىنلىرى ۋە بۇرژۇئازلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلىرى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئىدى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئەنگلىيە كاپې مۇستەملىكە رايونىنى تارتىۋالغان، بۇرلار ئىچكى قۇرۇقلۇققا قاراپ يۆتكىلىپ، ناتال جۇمھۇرىيىتى، ئورىنچ مۇختارىيەت شتاتى ۋە ترانسىۋائال جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1899 — 1902-يىللىرىدىكى ئەنگلىيە-بۇر ئۇرۇشىدىن كېيىن، بۇرلار ئەنگلىيىنىڭ بېقىندى پۇقراسىغا ئايلىنىپ قالغان، يۇقىرى قاتلامدىكىلىرى ئەنگلىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، جەنۇبىي ئافرىقا ئاق تەنلىك ئىرقچى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرگەن.

بۇرمۇنت

  • بۇرمۇنت[يەشمىسى:]Louis Auguste Victor Bourmont، 1773 — 1846) فرانسىيە مارشالى، ئالجىرىيە يىراققا يۈرۈش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. فرانسىيە زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە سەرگەردان بولۇپ ئەنگلىيىگە كەلگەن. 1795-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ، ۋاندېيە ۋىلايىتىدىكى پادىشاھپەرەسلەرنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1800-يىلى ناپولېئوننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان. 1814-يىلى گېنېرال مايورلۇققا ئۆستۈرۈلگەن. ۋاتېرلوئو ئۇرۇشىدىن تۆت كۈن بۇرۇن لۇئىⅩ Ⅷ تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن.1829-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1830-يىلى 6-ئايدا فرانسىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىنى باشلاپ ئالجىرىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئالجىرىيىنىڭ ھۆكۈمرانى ھۈسەيىننى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلىپ، مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەن. 8-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

بۇرنس

  • بۇرنس[يەشمىسى:]Robert Burns،1759— 1796)، شوتلاندىيىلىك شائىر. شوتلاندىيىدىكى نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ يېتىشكەن. شوتلاندىيە خەلق قوشاقلىرى ۋە قەدىمكى رىۋايەتلەر بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، شوتلاندىيە خەلق قوشاقلىرىنى توپلاپ رەتلىگەن. 1786-يىلى شوتلاندىيە شىۋېسىدىكى شېئىرلىرىنى نەشىر قىلدۇرغان. «ئەركىنلىك دەرىخى» دېگەن شېئىرىدا فرانسىيىنىڭ بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنى مەدھىيىلىگەن. «شوتلاندىيىلىك» دېگەن شېئىرىدا ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرغان شوتلاندىيىلىك قەھرىمانغا مەدھىيە ئوقۇپ، خەلقنى ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرغان. «ئاۋېللېي پوپنىڭ دۇئاسى» ۋە «ئىككى ئىت» دېگەن شېئىرلىرىدا چېركاۋنىڭ ساختىپەزلىكى ۋە چوڭ ئەمەلدارلارنىڭ نومۇسسىزلىقى مەسخىرە قىلىنغان. بەزى لىرىك شېئىرلىرىدا ساپ مۇھەببەت ۋە گۈزەل تەبىئەت كۈيلەنگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خەلق تەرىپىدىن چوڭقۇر قارشى ئېلىنغان.

بۇرىي

  • بۇرىي[يەشمىسى:]John Bagnell Bury، 1861 — 1927) ئەنگلىيە تارىخشۇناسى. دۇبلىن 1-مارت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1893-يىلى ئانا مەكتىپىنىڭ تەكلىپى بىلەن يېقىنقى زامان تارىخى پروفېسسورى بولغان. 1898-يىلى پادىشاھلىق يۇنان تىلى پروفېسسورى بولغان. 1902-يىلى پادىشاھلىق كىمبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىنقى زامان تارىخى پروفېسسورى بولغان. ئاساسەن رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىلى ۋە ۋىزانتىيە تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئۇدالىقىنى تەكىتلەپ، شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ داۋامى دەپ قارىغان. 1889-يىلى «كېيىنكى دەۋردىكى رىم ئىمپېرىيىسى تارىخى» ناملىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. 1896 — 1900-يىللىرى گىببوننىڭ داڭلىق ئەسىرى «رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ زاۋال تېپىش تارىخى» نى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ۋە تەپسىلىي ئىزاھلاپ چىققان. بۇ، ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلگەن مۇقىم نۇسخا بولۇپ كەلمەكتە. كۆپ توملۇق «كىمبىرىج قەدىمكى زامان تارىخى» ۋە «كىمبىرىج ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى» نىڭ مەسئۇل باش تەھرىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇنىڭ يەنە «ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى تارىخى»،«يۇنان تارىخى»، «قەدىمكىيۇناننىڭتارىخشۇناسلىرى»، «ئىدېئولوگىيە ئەركىنلىكى تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

بۇسسې

  • بۇسسې[يەشمىسى:]Gyriel Buysse،1859— 1932) بېلگىيە فلېمان(Flemings) تىلى يازغۇچىسى. گېنت ئەتراپىدا تۇغۇلغان. 1893-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىيات ژۇرنىلى — «بۈگۈن ۋە ئەتە» نى نەشىر قىلىپ، فلېمان ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرگەن. ئەسەرلىرىدەكۆپىنچە، فلېمانلارنىڭ مىجەزى، ئۆرپ-ئادەت ۋە تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن. زولا، مۇپاسساننىڭ تەسىرىنى چوڭقۇر قوبۇل قىلغان. «كۈچلۈكلەرنىڭ ھوقۇقى»،«فلېمان شېئىرى»، «ئۇرۇشتىن خىيالىي كۆرۈنۈشلەر»، «مەنبە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

بۇسۇنى

  • بۇسۇنى[يەشمىسى:]Ferruccio Benvenuto Busoni، 1866 — 1924) ئىتالىيىلىك پىئانىست، كومپوزىتور. ئەمپولىدا تۇغۇلغان. مۇزىكانت ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كىچىكىدە ئانىسىدىن پىئانىنو چېلىشنى ئۆگەنگەن، كېيىن ۋېنا، لېيپسىگلاردا ئوقۇغان. ئۇنىڭ رويال چېلىش ماھارىتى لىسزت ۋە رۇبىنسىتېئىنلاردىن قالسا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 1888 — 1889- يىللىرى خېلسىنكى مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا، 1890— 1891-يىللىرى موسكۋا مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1894 — 1913-يىللىرى بېرلىن مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1913 — 1915-يىللىرى ئىتالىيىدىكى بولۇنىيە مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان.1920-يىلى يەنە بېرلىنغا بېرىپ كومپوزىتور، پروفېسسور بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە گېرمانىيىدە ئەينى ۋاقىتلاردا تارقالغان ئىپادىچىلىككە قارشى تۇرۇپ، يېڭى كلاسسىكىزمنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى: ئوپېرا، ئىسكىرىپكا مۇزىكىسى، پىئانىنو مۇزىكىسى، سىمفونىيىلىك مۇزىكا، ئۇسسۇل مۇزىكىسى قاتارلىق كۆپ خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئۇ، باخنىڭ ئاكوردىيون بىلەن ئورۇندىلىدىغان مۇزىكىسىنى پىئانىنو بىلەن ئورۇندىلىدىغان مۇزىكىغا ئۆزگەرتكەن، لىسىزتنىڭ پىئانىنو مۇزىكا ئەسىرىنى تەھرىرلىگەن، ئۇنىڭ يەنە «مۇزىكىنىڭ يېڭى ئېستېتىكىسى» ناملىق ئەسىرى بار.

بۇشاتلى خاندانلىقى

  • بۇشاتلى خاندانلىقى[يەشمىسى:]ⅩⅨ — Ⅹئەسىرلەردىكى ئالبانىيىدىكى فېئودال خاندانلىق. گېرتسوگ دۇكاجىن (Nicholas Dukagjin) قۇرغان. بۇشاتلى جەمەتى ھۆكۈمرانلىق قىلغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1757-يىلى بۇشاتلى ( Mehmet bey Bushati ياكى Bushatli) سىكودا فېئوداللىرىنىڭ ئىچكى نىزالىرىدىن پايدىلىنىپ سىكودا ھۆكۈمرانى بولۇۋېلىپ، ئالبانىيىنىڭ شىمالىي رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەمدە ئوسمان ئىمپېرىيىسى سۇلتانى تەرىپىدىن «مۇتەسەررف» (mutesarrif، مەنىسى «باشلىق» دېگەنلىك) ئوتۇغات نامى بېرىلگەن، ئۇ تەختتە ئولتۇرغان 16 يىل جەريانىدا شەھەردە تىنچ تەرتىپ ئورنىتىپ شەھەرلىكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، تەسىر كۈچىنى سانجاق (Sandjak) نىڭ سىرتىغىچە كېڭەيتكەن. تۈركىيىگە ئولپان تۆلىمىگەنلىكتىن، 1775-يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئادەم ئەۋەتىپ زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇشاتلى جەمەتىدىن مۇستافا بۇشاتلى (Mustafa Pasha Bushati)، مەھمۇد پاشا بۇشاتلى (Mahmoud Pasha Bushati)، ئىبراھىم پاشا بۇشاتلى(Ibrahim Pasha bushati) لار داۋاملىق تەختتە ئولتۇرغان. 1831-يىلى تۈركىيە قوشۇنى سىكودا باشا رايونىغا ھۇجۇم قىلغاندا مۇستافا پاشا سۇلتانىغا ئەل بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ خاندانلىق يوقالغان.

بۇشمان مەدەنىيىتى

  • بۇشمان مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى بۇشمانلار (Bushman) تەرىپىدىن قىيا تاشلارغا ئىشلەنگەن ئويما سۈرەتلەر. رودېزىيە، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى داراكېنسىبېرگ (Drakensbrg) تېغى، ناتال، كاپ ۋە نامبىيىدىكى براندبېرگ ئەتراپلىرىغا بىرقەدەر مەركەزلەشكەن. سۇژىتلارنىڭ كۆپىنچىسى ھايۋانلار ۋە غەلىتە تەن تۈزۈلۈشىگە ئىگە ھەم غەلىتە كىيىم كىيگەن ئادەم رەسىملىرىدىن ئىبارەت. سۇژىتلاردا ھايۋان، بېلىق، قۇش، قۇرتلار ھەم ئوۋ ئوۋلاۋاتقان، بېلىق تۇتۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەر، يەنە شۇنىڭدەك جەڭ، ئۇسسۇل، دەپنە قىلىش، يامغۇر تىلەش، مۇزىكا چېلىش قاتارلىق مەزمۇنلار بار، ھايۋان رەسىملىرى بىرقەدەر رېئال سىزىلغان، بىراق ئادەم سۈرەتلىرى پەقەت ئىزناسىلا چىقىرىلغان سىزىقچە رەسىملەردىن ئىبارەت. بۇ سۈرەتلەرنى ئومۇمەن ئالتە تىپقا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ سىزىلغان دەۋرى توغرىسىدا ئوخشاشمىغان قاراشلار بار. بىر تۈرلۈك قاراشتىكىلەر تەخمىنەن بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 10 مىڭ يىلدىن تارتىپ سىزىلىشقا باشلىغان دېسە، يەنە بىر تۈرلۈك قاراشتىكىلەر بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى سىزىلغان دەيدۇ. كاربون — 14 ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭ دەۋرى مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرىدىن تارتىپ ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولۇپ، داۋاملاشقان يىلى بەك ئۇزۇن بولغان.

بۇشې دې پېرتېس

  • بۇشې دې پېرتېس[يەشمىسى:] Boucher de Pirthes، 8681 — 8871) فرانسىيىلىك ئارخېئولوگ. ئۇ ئىپتىدائىي ئادەملەر ياسىغان ئاددىي تاش پالتىلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن قەدىمكى پىل قاتارلىق ھايۋانلار بىلەن بىر دەۋردە مەۋجۇت بولغانلىقىنى بىرىنچى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق قەدىمكى ئىنسانشۇناسلىق ۋە كونا تاش قوراللار دەۋرى ئارخېئولوگىيىسى تەتقىقاتىغا ئىلمىي ئاساس ئورناتقان. بۇ خىل قاراش شۇ دەۋردىكى تەدرىجىي تەرەققىياتنى ئىنكار قىلىدىغان پىكىرلەر بىلەن تۈپتىن قارىمۇ قارشى بولۇپ، پەقەت دارۋىنچىلىق تەلىماتى تارقالغاندىن كېيىنلا ئاندىن كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان، ئۇنىڭ «ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى ۋە تەدرىجىي تەرەققىيات» دېگەن ئەسىرى بار.

بۇشېز

  • بۇشېز[يەشمىسى:]Philippe Joseph Benjamin Buchez،5681 — 6971) فرانسىيىلىك سىياسىي ئەرباب، تارىخشۇناس. دەسلەپتە دوختۇرلۇق قىلغان. تىرىلىش مەزگىلىدە كوكسچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1825 — 1830-يىللىرى سېن-سىمونىزمچى بولغان. كېيىن خرىستىئان سوتسىيالىزمى مۇتەپەككۇرغا ئايلىنىپ، كاتولىك دىنى بىلەن سوتسىيالىزمنى كېلىشتۈرمەكچى بولغان. دۆلەتنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.«دوكان»ژۇرنىلىنى چىقارغان.1848-يىلى 5-،6-ئايلاردا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1849-يىلدىن باشلاپ سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان. 40 توملۇق «فرانسىيە ئىنقىلابىي پارلامېنتىنىڭ تارىخى» دېگەن كىتابنى تۈزۈپ چىققان.

بۇكانان

  • بۇكانان[يەشمىسى:]James Buchanan، 8681 — 1971) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1857— 1861). دېموكراتلار پارتىيىسى ئەزاسى. پېنسىلۋانىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. 1812-يىلى ئامېرىكا-ئەنگلىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ھەم روسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى، ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 9481 - 5481-يىللىرى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان. 1856-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىللىرىدە 1857-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كرىزىسقا ئۇچرىغان؛ قۇللۇق تۈزۈمنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىپ، قۇللۇقنى بىكار قىلىش ھەرىكەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلغان ۋە قارشى تۇرغان، ئالىي سوتنىڭ سىكوت توغرىسىدا چىقارغان ھۆكۈمىنى قوللىغان؛ بروۋىن قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، قۇلدارلار ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە كەتمەن چاپقان.

بۇكلې

  • بۇكلې[يەشمىسى:]Henry Thomas Buckle، 2681 — 1281) ئەنگلىيە تارىخشۇناسى. ئىلگىرى كېسەلچان بولغاچقا مەكتەپكە كىرەلمەي ئۆزى جاپالىق ھالدا قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ياراملىق ئادەم بولۇپ چىققان. ئۇنىڭ زېھنى ئۆتكۈر، تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر دائىرىسىدە بىلىملىك بولۇپ، بىرنەچچە خىل چەت ئەل تىلىنى ئىگىلىگەن. 40-يىللاردىن باشلاپ ئىجتىھات بىلەن تارىخ ئۆگەنگەن. شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت پىلانىنى تۈزۈپ چىققان، لېكىن ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن پىلانىنى ئۇرۇندىيالمىغان. ئۇ نوقۇل سىياسىي تارىخ يېزىشقا قارشى تۇرغان، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت تارىخىي تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بەرگەن؛ جۇغراپىيىۋى مۇھىتنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تەكىتلىگەن، تارىخ تەرەققىياتىنىڭ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى ۋە قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئۇنىڭ ھازىر دۇنياغا تارقالغان ئىككى توملۇق «ئەنگلىيە مەدەنىيەت تارىخى» ناملىق كىتابى غەرب تارىخشۇناسلىقىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

بۇگايىن ۋىللې

  • بۇگايىن ۋىللې[يەشمىسى:]-Louis Antoine de Bougainville ،1729 — 1811) فرانسىيىلىك دېڭىز ساياھەتچىسى. ياش ۋاقىتلىرىدا فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلغان، فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسىدە ئەمەلدار بولغان. 1766 — 1769-يىللىرى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، بەزى مۇزېيشۇناسلار ۋە ئالىملارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن دۇنيانى ئايلىنىشقا ئاتلىنىپ، يېڭى ھېبرىد تاقىم ئاراللىرىدىن ئۆتۈپ، بۈگۈنكى بۇگايىن ۋىللې بوغۇزىدىن ئۆتۈپ سولومون تاقىم ئاراللىرى ۋە ساموئا تاقىم ئاراللىرىغىچە بارغان. دېڭىز ساھىلىدا تۇرغان نۇرغۇن قېيىقلارنى كۆرۈپ، ئۇ جايغا «دېڭىز ساياھەتچىلىرى ئارىلى» دەپ نام قويغان. 1772-يىلى لۇئى ⅩⅤ نىڭ ۋەزىرى بولغان. 1779 - 1782-يىللىرى شىمالىي ئامېرىكىغا ئەۋەتىلگەن فرانسىيە شۆبە فىلوتىنىڭ قوماندانى بولۇپ، ئامېرىكا ئىنقىلابىنى قوللىغان، فرانسىيە زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە قېچىپ كەتكەن. ناپولېئون Ⅰ ھاكىمىيەت تۇتقان ۋاقىتتا پارلامېنت ئەزاسى بولغان. ئۇنىڭ «يەر شارى ساياھىتى» ناملىق ئەسىرى بار.

بۇلانگېر

  • بۇلانگېر[يەشمىسى:]Georges Ernest Jean Marie Boulanger، 1837 —1891) فرانسىيىلىك ھەربىي، سىياسىي تەۋەككۈلچى. سائىنت-كىر ھەربىي ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، 1856-يىلى ھەربىي سەپكە كىرىپ، ئالجىرىيە، ھىندىچىنى قاتارلىق رايونلاردىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان. يەنە پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىغا ۋە پارىژ كوممۇنىسىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. 1882-يىلى پىيادە ئەسكەرلەر باش نازارەتچىسى بولغان. 1886-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. گېرمانىيىگە قارىتا ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدىكى ئۇرۇشخۇمارلىق ماقالە ئېلان قىلىپ، شوۋېنىزملىق ئەسەبىيلىكنى قوزغىغان. «قىساسكار گېنېرال» دەپ نام ئالغان. 1887-يىلى 5-ئايدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. رادىكاللار، مۇنارخىستلار، بوناپارتچىلار ۋە خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، 1888-يىلى 2-ئايدا ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 3-ئايدا، جامائەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان گۇناھ بىلەن ھەربىيلىكتىن قوغلانغان. ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، مەسئۇل كابىنېت تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، زۇڭتۇڭنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىش، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش قاتارلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بوناپارتچە ھەربىي مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەت تىكلەشكە ئۇرۇنغان. 1889-يىلى 1-ئايدا پارىژدىكى سايلامدا تولۇق غەلىبىگە ئېرىشكەن. لېكىن ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا پېتىنالمىغان. 2-ئايدا قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەت دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزدى، دېگەن گۇناھ بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغان، ئاۋام پالاتاسىمۇ ئۇنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلىغان. بريۇسسېلغا قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، سىرتتىن ھۆكۈم قىلىنىپ، ۋەتەن خائىنى جىنايىتى دەپ بېكىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىناۋىتى بىردىنلا تۆكۈلگەن. 1891-يىلى 9-ئايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

بۇلانگېر ۋەقەسى

  • بۇلانگېر ۋەقەسى[يەشمىسى:]فرانسىيىدىكى بىر قېتىملىق شوۋېنىزملىق ۋە جۇمھۇرىيەتكە قارشى سۇيىقەست ۋەقەسى. رەھبىرىي بۇلانگېرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 1886-يىلىدىن باشلاپ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. بۇلانگېرنىڭ گېرمانىيىدىن ئۆچ ئېلىشنى بازارغا سېلىشى بىلەن باشلانغان بۇ ھەرىكەت جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىك سىياسىتىدىن نارازى بولۇۋاتقان ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ يۇقىرى دولقۇن شەكىللەنگەن. مۇنارخىستلارنىڭ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە قارشى سۇيىقەستى نەتىجىسىدە 1889-يىلى 1-ئايدا نامايىش يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. لېكىن بۇلانگېر ئىش ئۈستىگە كەلگەندە ھولۇقۇپ قېلىپ سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشقا پېتىنالمىغان، ئۇزۇن ئۆتمەي بېلگىيىگە قېچىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەرىكەت ناھايىتى تېزلا پەسەيگەن. بۇ ۋەقە مۇنارخىستلارنىڭ تىرىلدۈرۈش سۇيىقەستىنىڭ يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇلاۋىن قوزغىلىڭى

  • بۇلاۋىن قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]دون قوزغىلىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.1707 — 1708-يىللىرى روسىيە كازاك دېھقانلىرىنىڭ فېئودالىزمغا قارشى قوزغىلىڭى. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى فېئوداللىق زۇلۇمنى بارغانسېرى كۈچەيتىپ، مىڭلىغان جازا ئەترىتىنى دون رايونىغا ئەۋەتىپ، قاچقۇن دېھقانلارنى قوغلاپ تۇتۇپ، كازاكلارنىڭ يېزا-بازارلىرىنى ئاياغ-ئاستى قىلىپ، يەرلىك ئاھالىنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1707-يىلى 10-ئايدا، كازاكلار ئاتامانى بۇلاۋىن (Кондратий Афранасьевич Булавин، تەخمىنەن 8071 — 0661) ئىككى يۈزدىن ئارتۇق كىشىنى توپلاپ، ئايدار دەرياسى بويىدىكى شۇلگىن (Шульгинск) بازىرىدا تۇرۇۋاتقان جازا ئەترىتىنى يوقىتىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭ ناھايىتى تېزلا دون دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى رايونىنى قاپلاپ كەتكەن. 1708-يىلى 5-ئايدا، دوننىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى مۇھىم بازار چېركاسكى (Черкасск) نى ئىگىلىگەن. كېيىن قوزغىلاڭچى قوشۇن بىرنەچچە تارماققا بۆلۈنۈپ ۋولگا ۋادىسى ۋە ئازوۋ دېڭىزى بويلىرىغا يۈرۈش قىلىپ، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 7-ئايدا بۇلاۋىن ئاساسىي كۈچىنى باشلاپ ئازوۋغا ھۇجۇم قىلغاندا مەغلۇپ بولۇپ، چىركاسكىگە چېكىنگەن. يۈز ئۆرۈگەن كازاك يۇقىرى قاتلام باشچىلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. شۇ يىلنىڭ ئاخىرى قوزغىلاڭ رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلغان. 

بۇلوۋ

  • بۇلوۋ[يەشمىسى:]Bernhard Heinrich Martin Furst Von Bulow، 9291 — 9481) گېرمانىيە ۋەزىرى ۋە پرۇسسىيە باش ۋەزىرى (9091 — 0091). پرۇسسىيىدىكى بىر بيۇروكرات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1873-يىلدىن باشلاپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئىشلىگەن. 3981 — 8881، 7981 — 3981-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گېرمانىيىنىڭ رومىنىيىدە ۋە ئىتالىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان. 0091 — 7981-يىللىرى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. ۋەزىر ۋە باش ۋەزىر بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىللىرى ئىچكى جەھەتتە 1902-يىلى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت بېجىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭ پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنى قوغدىغان. ئافرىقىدىكى خوتتېنتوتلارنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن قوشۇلغان خام چوتنى ماقۇللىغان ھەمدە 1907-يىلى «بۇلوۋ ئىتتىپاقى» نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، ئىشچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرغان. سىرتقا قارىتا مۇستەملىكە كېڭەيمىچىلىك ۋە ئۇرۇش سىياسىتىنى پائال يۈرگۈزۈپ، دۇنيانى قايتىدىن بۆلۈشۈۋېلىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ پۈتۈن كۈچى بىلەن دېڭىز ئارمىيىسىنى كېڭەيتىپ تولۇقلاپ، بالقان، يېقىن شەرق، يىراق شەرق ۋە تىنچ ئوكيان رايونلىرىدىكى كېڭەيمىچىلىكىنى جىددىيلەشتۈرگەن، شۇنداق قىلىپ، گېرمانىيە بىلەن ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. ماراكەشنى تالىشىش كۈرىشىدە مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن 1909-يىلى خىزمىتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. 5191 — 4191-يىللىرى ئىتالىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان ۋاقتىدا ئىتالىيىنىڭ ئانتانتا دۆلەتلىرىدىن چىقىپ كېتىپ، بىتەرەپ مەيدانىنى ساقلاپ قېلىشىنى تەشەببۇس قىلغان، لېكىن بۇ غەرەز ئىشقا ئاشمىغان. ئۇنىڭ «گېرمانىيە سىياسىتى»، «مۇھىمى مۇلاھىزە قىلىشتا» قاتارلىق كىتابلىرى بار.

بۇلوۋ ئىتتىپاقى

  • بۇلوۋ ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]خوتتېنتوتلار ئىتتىپاقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1907-يىلى گېرمانىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بىلەن مىللىي لىبېراللار پارتىيىسى، ئەركىن ئىدىيىدىكىلەر پارتىيىسى قاتارلىقلارنىڭ پارلامېنتتا ئۇيۇشقان ئەكسىيەتچىل ئىتتىپاقى. 1906-يىلنىڭ ئاخىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنتنىڭ گېرمانىيىگە قارام غەربىي جەنۇبىي ئافرىقىدىكى خوتتېنتوتلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا ئاجرىتىلغان خام چوتنى ماقۇللاشنى تەلەپ قىلغاندا، كاتولىك دىنىي مەركىزى پارتىيىسى ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، تەكلىپ رەت قىلىنغان. باش ۋەزىر بۇلوۋ پارلامېنتنى تارقىتىۋەتكەن. 1907-يىلى 1-ئايدا پارلامېنت قايتىدىن سايلانغاندا، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى، مىللىي لىبېراللار پارتىيىسى ۋە ئەركىن ئىدىيىدىكىلەر پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى پارلامېنتتا كۆپ ساننى ئىگىلەپ، «بۇلوۋ ئىتتىپاقى» نى تەشكىللىگەن، خەلق مەسخىرە قىلىپ «خوتتېنتوت ئىتتىپاقى» دەپ ئاتىغان. مەزكۇر ئىتتىپاق قوشۇلغان خام چوتنى دەرھال ماقۇللىغان. 1908-يىلى يەنە دېڭىز ئارمىيىسىنى كېڭەيتىش لايىھىسى ۋە ئەكسىيەتچىل بولغان يىغىلىش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىغان. 1909-يىلى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىدىكىلەر كاتولىك دىنىي مەركىزىي پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ مىراس بېجى ئېلىش قانۇن لايىھىسىنى رەت قىلغانلىقتىن ئىتتىپاق پارچىلىنىپ، بۇلوۋ ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغان.

بۇمارشىس

  • بۇمارشىس[يەشمىسى:]Caron de Beaumarchais، 9971 — 2371). فرانسىيىلىك كومېدىيە يازغۇچى. ئەسلى ئىسمى پىتېرئاۋگۇستىن كارون (Pierre Augustin Caron) ئىدى. پارىژدىكى بىر سائەتچى ئۇستىنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇپ، 1753-يىلى سائەتنىڭ بىر خىل يېڭى زاپچىسىنى كەشپ قىلغان. كېيىن ئوردىدا خىزمەت قىلىپ، لوئى ⅩⅤ نىڭ كاتىپى ۋە مەلىكىنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان. كېيىن ھايانكەشلىك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ، باي كارخانچىغا ئايلانغان.1757-يىلى فامىلىسىنى بۇمارشىسقا ئۆزگەرتكەن، 1761-يىلى ئاقسۆڭەك نامى بېرىلگەن. ۋولتېر ۋە دىدېرو ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، ئۆزىنى ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىسى دەپ ئاتىغان. ئۇ ناھايىتى كۆپ پۇل چىقىرىپ «ۋولتېر ئەسەرلىرى» نى نەشىر قىلدۇرغان ھەمدە دىدېرونىڭ كومېدىيە نەزەرىيىسى بويىچە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۈچىنچى تەبىقە مەيدانىدا تۇرۇپ فېئوداللىق جەمئىيىتىنىڭ چىرىكلىكىنى مەسخىرە قىلغان ۋە سۆككەن. 1775-يىلى شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، شىمالىي ئامېرىكىغا قورال-ياراق، ئوق-دورا يەتكۈزۈپ بەرگەن. 1789-يىلى فرانسىيىدە بۈيۈك ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ ھەم ئىنقىلابنى قارشى ئالغان، ھەم يەنە ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ياكوبىن دىكتاتۇرىسى مەزگىلىدە ھامبۇرگقا قېچىپ كېتىپ، 1796-يىلنىڭ بېشىدا پارىژغا قايتىپ كەلگەن. ئاساسلىق كومېدىيە ئەسەرلىرىدىن «فىگارونىڭ تويى»، «سېرۋىلدىكى ساتىراش» لار بار. 

بۇمەيدىن

  • بۇمەيدىن[يەشمىسى:]Houari Boumediene، 1925 - 1978) ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى (8791 — 6791). ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد بۇخارۇبا (Mohammed Boukharouba) بولۇپ، گېلىماغا ئەتراپىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1952-يىلى مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. قاھىرەدە ئالجىرىيە مىللەتپەرۋەرلىك گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، ھەربىي تەلىم ئالغان. 1955-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ، ئوران ئەتراپلىرىدا پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. 1957-يىلى مىللىي ئازادلىق سېپى 5-ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى بولغان. ئىككىنچى يىلى غەربىي رايوننىڭ قوماندانى بولغان. 1960-يىلى مىللىي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان. 1962-يىلى ئالجىرىيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان، ئىككىنچى يىلى بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلى بولغان. 1963-يىلى مۇئاۋىن رەئىس، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1965-يىلى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشى قوزغاپ، بېن بېللا (Ben Bella، — 9191) ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە ھۆكۈمەت زۇڭلىسى بولغان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە، جاھانگىرلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئىتتىپاق تۈزمەسلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاسىيا-ئافرىقا مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاپ، مىللىي مۇستەقىللىك ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغان، چەت ئەل نېفىت شىركىتىنى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋالغان، يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغان.

بۇناپارت ئاساسىي قانۇنى

  • بۇناپارت ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:]«ئىككىنچى ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فرانسىيىنىڭ لۇئى ناپولېئون بۇناپارت ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىلىدىكى (0781 — 1581) ئاساسىي قانۇنى. 1852-يىل 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 1779-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن نۇسخا قىلىنغان، دۆلەتنىڭ پۈتۈن ھوقۇقى زۇڭتۇڭغىلا مەركەزلەشكەن، نامدا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى دېيىلگەن، ئەمەلىيەتتە پادىشاھلىق ئىستىبداتلىق يولغا قويۇلغان. ئاساسىي قانۇندا لۇئى بۇناپارت زۇڭتۇڭلۇققا كۆرسىتىلگەن، قەرەلى ئون يىل بولىدۇ، ۋارىس كۆرسىتىشكە ھوقۇقلۇق؛ زۇڭتۇڭ فرانسىيە خەلقىگە مەسئۇل بولۇپ، ھەر ۋاقىت خەلققە مۇراجىئەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ زۇڭتۇڭ دۆلەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقىنى تەنھا ئىگىلەپ، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىش؛ ئەمەلدارلارنى تەيىنلەش، ئۇرۇش ئېلان قىلىش ۋە چەت ئەل بىلەن كېلىشىم تۈزۈش، ھەرقايسى مىنىستىرلار پەقەت زۇڭتۇڭ ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، دەپ بەلگىلەنگەن. پارلامېنت يىغىنى مەخپىي ئېچىلىپ، پارلامېنت باشلىقى زۇڭتۇڭ تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن. ئەدلىيە ھوقۇقى جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭىنىڭ نامى بىلەن يۈرگۈزۈلگەن. ئاساسىي قانۇندا يىگىرمە بىر ياشلىق ئەرلەرنىڭ ئومۇمىي سايلام ھوقۇقى ساقلىنىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ نامزاتلار تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. 1852-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى لۇئى بۇناپارتنى فرانسىيە كورۇلى دەپ ئېلان قىلىپ، ناپولېئون Ⅲ دەپ ئاتالغان. 60-يىللاردىن باشلاپ بارا-بارا ئىستىبدات پادىشاھلىق ھاكىمىيەت ئۈستىدىن لىبېرالىزملىق ئىسلاھات يۈرگۈزۈلگەن.

بۇناپارتچىلىق

  • بۇناپارتچىلىق[يەشمىسى:]فرانسىيىنىڭ بىرىنچى ئىمپېرىيە ۋە ئىككىنچى ئىمپېرىيە مەزگىلىدىكى ھۆكۈمرانلىق كۆز قارىشى ۋە ھۆكۈمرانلىق شەكلى بولۇپ، كورۇل ناپولېئون بۇناپارت ۋە لۇئى ناپولېئون بۇناپارتلارنىڭ نامى بىلەن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ماركس لۇئى بۇناپارت يازغان «ناپولېئون ئىدىيىسى» دېگەن ئەسەرگە ھەمدە ئىككى ئىمپېرىيە دەۋرىدىكى سىياسىي ئەمەلىيەتكە ئاساسەن «ناپولېئون ئىدىيىسى» ئۇششاق يەر مۈلۈكچىلىكى، كۈچلۈك دۆلەت، ھۆكۈمەتنىڭ قورالى بولغان مىسسىئونېرلار ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئارمىيە يۇقىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇ ئارقىلىق ھوقۇق مەركەزلەشكەن تۈزۈمىدىكى غايەت چوڭ ھەربىي بيۇروكرات دۆلەت ماشىنىسى شەكىللەنگەن. بۇ دۆلەت ماشىنىسى سىنىپتىن تاشقىرى دەپ كۆككە كۆتۈرۈلگەن، ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتتىن ئۈستۈن قويۇلغان، جەمئىيەتنىڭ تىكىنخورىغا ئايلانغان، دەپ نەزەرىيىۋى يەكۈن چىقارغانىدى. ماركس بۇنداق دۆلەت ماشىنىسى پادىشاھلىق ئىستىبداتلىق دەۋرىدە باشلىنىپ، بىرىنچى ئىمپېرىيە مەزگىلىدە قۇرۇلغان، يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ فېئوداللىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇشتىكى كۈچلۈك قورالى بولغان، شۇنىڭدىن كېيىن فرانسىيىدىكى ھەممە ئىنقىلاب ئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن؛ يېقىنقى زامان سانائىتىنىڭ ئالغا بېسىشى ۋە ئەمگەكچىلەر بىلەن كاپىتالىستلارنىڭ قارىمۇ قارشىلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ بارغانسېرى كاپىتالنىڭ ئەمگەكنى ئېزىش خاراكتېرىگە ئىگە بولغان؛ ئىككىنچى ئىمپېرىيە دەۋرىگە كەلگەندە، كاپىتالنىڭ ئەمگەكنى قۇل قىلىدىغان دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرقى شەكلىگە ئايلىنىپ قالغان، دەپ ھېسابلىغان. لېنىن بۇناپارتچىلىق «بۇرژۇئازىيىنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات ۋە دېموكراتىك ئىنقىلاب مۇھىتىدا ئەكسىلئىنقىلابقا ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى پەيدا بولغان بىرخىل ھۆكۈمرانلىق شەكلى» دەپ قارىغان.

بۇنىن

  • بۇنىن[يەشمىسى:]Иван Алексеевич Бунин، 3591 — 0781). روسىيىلىك يازغۇچى. ۋەيران بولغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كوررېكتور، كۇتۇپخانا باشقۇرغۇچىسى بولغان. 1887-يىلى شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. 90-يىللاردىن باشلاپ ھېكايە ئىجادىيىتىدە كۈچ سەرپ قىلغان. ئەسەرلىرىدىن «يېزا» ناملىق پوۋېستى، «قېرىنداش»،«سان-فرانسىسكودىن كەلگەن مۆتىۋەر» قاتارلىق ھېكايىلىرىدە كاپىتالىزمنىڭ دېھقانلارغا ئېلىپ كەلگەن بالايىئاپىتىنى ئېچىپ تاشلىغان، ئەمما پومېشچىكلارنىڭ قورۇق تۇرمۇشىغا بولغان قىيالماسلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن فرانسىيىدە مۇھاجىر بولۇپ ياشىغان. 1933-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. پارىژدا ئۆلگەن.

بۇھېنۋالد جازا لاگېرى

  • بۇھېنۋالد جازا لاگېرى[يەشمىسى:]فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ ئۆز دۆلىتى ئىچىدە قۇرغان ئاساسلىق جازا لاگېرلىرىدىن بىرى. 1934-يىلى ۋېيمار يېنىدىكى بۇھېنۋالد (Buchenwald) كەنتىدە قۇرۇلغان. بۇ يەرگە 5491 — 4391-يىللىرى زور تۈركۈمدىكى فاشىستلارغا قارشى جەڭچىلەر، يەھۇدىيلار ۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرى قامالغان بولۇپ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى يۈز مىڭغا يېتىدۇ. گېرمانىيە كومپارتىيىسىنىڭ داھىيسى تېلمانمۇ مۇشۇ يەردە ئېچىنىشلىق تۈردە ئۆلتۈرۈلگەن. نۇرغۇنلىغان سىگانلار تۇتۇپ كېلىنىپ «تۇز سۈيى بىلەن ھاياتلىقنى ساقلىغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى» سىناق قىلىنغان. مەھبۇسلار ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تېرىسى شىلىۋېلىنىپ، ئۇنىڭدىن لامپا قالپىقى ۋە باشقا زىننەت بۇيۇملىرى ئىشلەنگەن، 1945-يىل 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى بۇ يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرى جازا لاگېرىدىكى فاشىستلارغا قارشى جەڭچىلەر دۈشمەن بىلەن باتۇرلارچە كۈرىشىپ 21 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققانىدى.

بۇئوناروتتى

  • بۇئوناروتتى[يەشمىسى:]Filippo Michele Bionarotti، 7381 - 1671) فرانسىيە ئىنقىلابچىسى، خىيالىي كوممۇنىزمچى، بابېفنىڭ دوستى. ئىتالىيىدە ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپتە رۇسسۇنىڭ مۇرىتى بولغان. فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ دەسلىپىدە كورىسكادا ئىنقىلابقا قاتناشقان. 1793-يىلى خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن فرانسىيە تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ، تەۋرەنمەس ياكوبىنچىلاردىن بولۇپ قالغان. تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، 1793-يىلى 3-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە بابېف بىلەن تونۇشقان. شۇ يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قەدىمكى ئەجدادلار ئىبادەتخانىسى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، بابېفنىڭ مەخپىي قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش كومىتېتىغا قاتنىشىپ، باراۋەرچىلەر ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. 1796-يىلى 5-ئايدا جاسۇسنىڭ ئاشكارىلاپ قويۇشى بىلەن قولغا ئېلىنغان. 1797-يىلى تۈرمىگە چۈشكەن. 1800-يىلى سۈرگۈنگە ئۆزگەرتىلگەن. غەربىي ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن مەزگىلدە، بىرمۇنچە مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبىرىي خادىمى بولغان. 1830-يىلى ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن پارىژغا قايتىپ كېلىپ، داۋاملىق ئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، بلانكىچىلارغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. «باراۋەرلىك ئۈچۈن سۇيىقەست» دېگەن كىتابى بابېفىزملىق مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

بۇئى خاندانلىقى

  • بۇئى خاندانلىقى[يەشمىسى:]ئەرەبچىدە بۇۋايھىس (Buwayhids) دەپ ئاتىلىدۇ. 5501 — 539-يىللىرى ئىراندا قۇرۇلغان فېئودال خاندانلىق. 935-يىلى كاسپى دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا ياشايدىغان بىر قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ ئوغلى ئەھمەد ئىبن بۇئى (Ahmand ibn Buyeh) ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئىنىسى ئەسكەر باشلاپ ھەمەدان، ئىسفاھاننى بېسىۋېلىپ، خۇزىستان بىلەن پارىس رايونىنى قولغا كەلتۈرگەن. شىرازنى پايتەخت قىلغان. ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان. 945-يىلى، ئەھمەد باغدادقا كىرىپ، ئابباسىيلار خەلىپىسىنى ئۆزىگە ئەمرۇل ئۇمرا(umara-Amiral)لىق ئۇنۋانى بېرىشكە زورلىغان، خەلىپىنىڭ دىندىن سىرت ھوقۇقىنى تارتىۋالغان. ئەدود دەۋلەھ (al Dawlah Adud) ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە(949 — 981) خاندانلىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىراننىڭ غەربىي ۋە جەنۇبىي قىسمىنى ۋە ئىراق قاتارلىق جايلارنى باشقۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەسچىت-مەدرىسلەر، شىپاخانىلار، رەسەتخانا، كۇتۇپخانىلارنى قۇرۇپ، ئىلىم-مەدەنىيەت ئەھلىلىرىنى مۇكاپاتلىغان. بۇ خاندانلىقنىڭ تازا روناق تاپقان مەزگىلى بولغان. Ⅺ ئەسىردىن كېيىن فېئوداللىق ئىچكى دەتالاشلار تۈپەيلى دۆلەت ئاجىزلىشىپ كەتكەن. سەلجۇقلار تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 

بۈيۈك ئاساسىي نىزام

  • بۈيۈك ئاساسىي نىزام[يەشمىسى:]Magna Carta ياكى Magna Charta) «ئەركىنلىك ئاساسىدىكى بۈيۈك ئاساسىي نىزام» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تەھدىت سېلىپ مەجبۇرلىشى بىلەن ئەنگلىيە كورۇلى جۈن (يەرسىز) 1215-يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنى (19-كۈنى دېگۈچىلەرمۇ بار) رۇننىمېدې (Runnymede، ھازىرقى لوندوننىڭ غەربىگە تەخمىنەن 32 كىلومېتر كېلىدىغان جاي) دىكى ئوتلاقتا ئىمزالىغان ھۈججەت. بۇ ھۈججەت لاتىنچە يېزىلغان بولۇپ، جەمئىي 63 ماددىلىق. ماددا ئۇنىڭ كۆپىنچە ماددىلىرىدا ئاقسۆڭەكلەر ۋە مىسسىئونېرلارنىڭ ھوقۇقى قوغدالغان. ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: 1. چېركاۋنىڭ دىنىي خادىملارنى سايلاش ئەركىنلىكىنى قوغداش؛ 2. ئاقسۆڭەكلەر ۋە رىتسارلارنىڭ سۇيۇرغالغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى قوغداش، كورۇل نىزامىغا خىلابەن سۇيۇرغالغا ۋارىسلىق بېجىنى ئېلىشقا بولمايدۇ؛ 3. كورۇل ئاقسۆڭەكلەر، مىسسىئونېرلار ۋە رىتسارلاردىن تەركىب تاپقان «پادىشاھلىق چوڭ كېڭىشى» نىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ئۆزىگە بىۋاسىتە قاراشلىق بېقىندىلاردىن ياردەم پۇلى ۋە قالغان پۇلىنى يىغىۋېلىشقا بولمايدۇ؛ 4. كورۇلنىڭ فېئوداللار سوتىنىڭ ئەدلىيە-سوت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئارىلىشىۋالىدىغان ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ 5. كورۇل ئوخشاش دەرىجىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ھەرقانداق ھۈر كىشىلەرنى ئۆز خالىغانچە قولغا ئېلىشقا ياكى ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئاز ساندىكى ماددىلار شەھەرلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. مەسىلەن، شەھەرنىڭ بەھرىمەن بولۇۋاتقان ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش، سودا ئەركىنلىكىنى قوغداش، ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە باشقىلار. كورۇل بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلسا، 25 ئاقسۆڭەكتىن تەركىب تاپقان ھەيئەت كورۇلغا قورال كۈچى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە. ھېنرى Ⅲ تەختتە تۇرغانمەزگىلدە،1216، 1217-ۋە 1225-يىللاردا ئۇدا بۈيۈك ئاساسىي نىزام ئېلان قىلغان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، بۇرژۇئازىيە ئۇنىڭغا يېڭىچە چۈشەنچە بېرىپ، ئۇنى بۇرژۇئاچە قانۇن چىقىرىش ئاساسلىرىنىڭ بىرى قىلىۋالغان.

بۈيۈك تارىخ

  • بۈيۈك تارىخ[يەشمىسى:]Mahavamsa) «كارولنىڭ ھۆكۈمرانلىق تارىخى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. سەيلون (ھازىرقى سرىلانكا) نىڭ پالى يېزىقىدا يېزىلغان پادىشاھلىق ۋە بۇددا دىنىي يىلنامىسى. بۇ يىلنامىنى مىلادى Ⅵ ئەسىردە ئاقساقال ماخاناما (Mahanama) داستان ئۇسلۇبىدا يېزىپ چىققان. بۇنىڭدا مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە ئارىيانلار سەيلون ئارىلىغا كۆچۈپ كەلگەندىن تارتىپ Ⅳ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخ بايان قىلىنغان. Ⅳ ئەسىردە تۈزۈلگەن «ئارال تارىخى» ۋە بۇددا دىنى راھىبلىرىنىڭ ئاغزاكى ئېيتىشلىرى ئاساسىي ماتېرىيال قىلىنىپ، تۆت تېمىغا ئايرىلغان. يەنى، بۇددا دىنىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە راۋاجلىنىشى؛ بۇددىنىڭ سەيلونغا بېرىپ دىننى تارقاتقانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەت؛ بۇددا دىنىنىڭ سەيلونغا تارقالغانلىقى ۋە بۇددا دىنى ھامىيسى، پادىشاھ دوتتاخا گامانى (Duttihagamani مىلادىدىن ئىلگىرى 161 — 137 تەختتە تۇرغان) نىڭ تۆھپىلىرى. مەزمۇنى كۆپىنچە رىۋايەت ۋە ئاجايىپ ئىشلار بولۇپ، ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك، ئىشەنگىلى بولمايدىغان نەرسىلەر يېزىلغان. بىراق بەزى خاتىرىلەرنىڭ تارىخى ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدا تاشقا ئويۇلغان يېزىقلار ئىسپاتلىدى، «بۈيۈك تارىخ» ۋە ئۇنىڭ داۋامى «كىچىك تارىخ» ئوخشاشلا سەيلوننىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان ئاساسىي ھۈججەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۈيۈك زىمبابوۋې

  • بۈيۈك زىمبابوۋې[يەشمىسى:] «زىمبابوۋې»گە قاراڭ.

بۈيۈك سۈرىيە پىلانى

  • بۈيۈك سۈرىيە پىلانى[يەشمىسى:] «مۇنبەتلىك ھىلال ئاي پىلانى»غا قاراڭ.

بۈيۈك سېربىيە ھەرىكىتى

  • بۈيۈك سېربىيە ھەرىكىتى[يەشمىسى:] بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى جەنۇبىي قىسىمدىكى سلاۋيانلار مىللىي ھەرىكىتىنىڭ بىر شەكلى. سېربىيە بۇرژۇئازىيىسى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ۋە تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرغان جەنۇبىي سلاۋىيىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئولتۇراقلاشقان رايونىنى بىرلىككە كەلگەن مىللىي دۆلەت قىلىپ قوشۇۋېتىشقا ئۇرۇنۇش يولىدىكى ھەرىكەت.

بۈيۈك شاھ ئالفرېد

  • بۈيۈك شاھ ئالفرېد[يەشمىسى:]Alfred The Gerat، 998 — 948) ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەنگلىيە سېسىسېكىس بەگلىكىنىڭ كورۇلى (998 — 178). ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئەنگلىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى بېسىۋالغان. دانىيىلىكلەر بىلەن جەڭ قىلغان. مىلادى 871-يىلى ۋىلتون (Witon) جېڭىدە مەغلۇپ بولغان. كېيىن ئارمىيىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئۇرۇش كېمىسى ۋە قورۇللارنى ياسىتىپ، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، بىر قىسىم زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋالغان. 878-يىلى ئىسسىدان جېڭىدە دانىيە ئارمىيىسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان. ئىككىنچى يىلى ئىككى تەرەپ سۈلھ قىلىشىپ، «ۋېدمور سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. ئۇنىڭدا ۋاتلىڭ يولىدىن چېچىستېرغىچە بولغان جاينى پاسىل قىلىپ ئەنگلىيىنى ئىككى قىسىمغا ئايرىپ، غەربىي جەنۇبىي قىسىمغا سېسىسېكىس بەگلىكى ھۆكۈمرانلىق قىلىش، شەرقىي شىمالىي قىسمىنى دانىيىلىكلەر ئىگىلەش بەلگىلەنگەن. ئۇ يەنە ئاقسۆڭەك پەرزەنتلەر مەكتىپى تەسىس قىلىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلغان؛ ئالىملارنى تەشكىللەپ بەزى لاتىنچە ئەسەرلەرنى قەدىمكى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرغان، ئۆزىمۇ بۇ ئىشقا قاتناشقان. يەنە پەرمان چىقىرىپ قانۇن ۋە «ئانگلو-ساكسون يىلنامىسى»نى تۈزدۈرگەن.

بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گۈللىنىش چەمبىرىكى

  • بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گۈللىنىش چەمبىرىكى[يەشمىسى:]ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ئاسىيا ئەللىرىنى قۇل قىلىش، چوڭ مۇستەملىكىچى ئىمپېرىيىنى قۇرۇشقا ئۇرۇنۇش يولىدىكى تاجاۋۇزچىلىق-كېڭەيمىچىلىك پىلانى. 1940-يىلى 8-ئايدا كونوئې فۇمىمارو ئىچكى كابىنېتى تۈزگەن «دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتى پروگراممىسى» دا «پادىشاھلىق دۆلىتى» يادرو قىلىنغان، ياپونىيە، «مانجۇرىيە» ۋە جۇڭگونىڭ مۇستەھكەم بىرلىشىشى ئاساس قىلىنغان «بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا يېڭى تەرتىپى» نى ئورنىتىپ، «پۈتكۈل شەرقىي ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق چەمبىرىكى» نى قۇرۇش رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇ يىلى 8-ئايدا تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ماتسوئاكا يوسۇكې «بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گۈللىنىش چەمبىرىكى» دېگەن سۆزنى تۇنجى قېتىم قوللانغان. «ئورتاق گۈللىنىش چەمبىرىكى» گە كىرگۈزۈلگەن دۆلەت ۋە رايونلار ئىچىدە جۇڭگو، چاۋشيەن، ھىندىچىنى، بىرما، تايلاند،مالايشىيا، فىلىپپىن، گوللاندىيىگە قاراشلىق شەرقىي ھىندىستان (ھازىرقى ھىندۇنېزىيە)، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستان (ھازىرقى ھىندىستان، پاكىستان، بېنگال)، ئافغانىستان ۋە تىنچ ئوكياندىكى نۇرغۇن ئاراللار بار. جۇڭگو ۋە ئاسىيا خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشى، بۇ پىلاننى ئۈزۈل-كېسىل تار-مار قىلدى.

بۈيۈك كولومبىيە

  • بۈيۈك كولومبىيە[يەشمىسى:]كولومبىيە، ۋېنېسۇئېلا، پاناما ۋە ئېكۋاتورلار ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندا قۇرغان ئىتتىپاق جۇمھۇرىيىتى. 1819-يىلى بولىۋار چاقىرغان ئانگۇستۇرا (Angostura) پارلامېنتىدا جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان ھەمدە كوكۇتا پارلامېنتى ۋە 1821-يىلدىكى ئاساسىي قانۇندا مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ئەڭ دەسلەپتە بۇ جۇمھۇرىيەت كولومبىيە ۋە ۋېنسۇئېلالارنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1821-ۋە 1822-يىللاردا پاناما ۋە ئېكۋاتور ئۇنىڭغا قاتناشقان. باشتا بۈيۈك كولومبىيە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان. كۇندىناماركا (Cundinamarca) ۋېنسۇئېلا ۋە كېدودىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىگە ئايرىلىپ، كوكۇتا پايتەخت قىلىنغان. 1-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ بولىۋار، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ سانتاندىر (Santander) بولغان. 1826- يىلىدىن باشلاپ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى پەيدا بولغان. 1830-يىلى ۋېنېسۇئېلا ۋە ئېكۋاتور رەسمىي چىقىپ كەتكەندە ئۈچ مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلانغان. بۈيۈك كولومبىيە شۇنىڭ بىلەن پارچىلانغان.

بۈيۈك گېرمانىزم

  • بۈيۈك گېرمانىزم[يەشمىسى:] «پان گېرمانىزم»غا قاراڭ.

بۈيۈك گرېتسىيە

  • بۈيۈك گرېتسىيە[يەشمىسى:]Magna Graccia ياكى Graccia Major) قەدىمكى ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى گرېكلار ئولتۇراقلاشقان رايوننىڭ ئاتىلىشى. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرگىچە گرېكلار بۇ يەردە (بولۇپمۇ دېڭىز ياقىسىدا) مۇستەملىكىچى شەھەرلەرنى كۆپلەپ قۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە تارېنتۇم (Tarentunm)، سيبارس (Sybaris)، كروتون (Croton)، ھېراكلېيە (Heraclea) قاتارلىق مەشھۇر شەھەرلەر بار ئىدى؛ غەربىي دېڭىز ياقىسىدىكى (كەنبانىيە چېگرىسىدىكى) كومې (Cumae)، نېئاپول (Neapolis) قاتارلىق شەھەرلەرمۇ شۇ جۈملىگە كىرىدۇ. بەزى يازغۇچىلار (مەسىلەن، سىتىرابو) «بۈيۈك گرېتسىيە» نىڭ دائىرىسىنى سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى گرېك مۇستەملىكىچى رايونىغىچە كېڭەيتكەن، ئۇ يەردە گرېكلار(كورىنسلار)قۇرغان چوڭ شەھەر-شوراگو بار ئىدى. گرېكلارنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئۇلغىيىشىغا ئەگىشىپ گرېتسىيە مەدەنىيىتى ئىتالىيىنىڭ دەسلەپكى ئاھالىلىرى (رىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) غا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىردە رىم ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىنئارقا-ئارقىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، ئۆز زېمىنىغا قوشۇۋالغان. «بۈيۈك گرېتسىيە» دېگەن نامنى سىسېرۇ، لىۋىي قاتارلىقلارمۇ ئىشلەتكەن.

بۈيۈك مىللىي پارلامېنت

  • بۈيۈك مىللىي پارلامېنت[يەشمىسى:]تۈركىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى مەزگىلىدە ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى دۆلەت پارلامېنتىنىڭ نامى. ئەنگلىيە ئارمىيىسى ۋە تۈركىيە سۇلتان ھۆكۈمىتى 1920يىلى 3-ئايدا ئىستانبۇلدا تەسىس قىلىنغان تۈركىيە دۆلەت مەجلىسىنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن كامالچىلار شۇ يىلى 4-ئايدا ئەنقەرەدە يېڭى پارلامېنت چاقىرىپ، ئۇنىڭغا بۈيۈك تۈركىيە پارلامېنتى دەپ نام بەرگەن. پارلامېنتنىڭ رەئىسلىكىنى كامال ئۈستىگە ئالغان. پارلامېنت ئەزالىرىنى جايلار سايلاپ بەرگەن. ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى سودىگەر، پومېشچىك، ئەمەلدار ۋە يۇقىرى قاتلامدىكى دىنىي ئەربابلار بولغان ھەمدە 1-نۆۋەتلىك بۈيۈك خەلق پارلامېنتى ھۆكۈمىتى تەشكىل قىلىنغان. 1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ تا ھازىرغىچە تۈركىيە دۆلەت پارلامېنتى مۇشۇ نامنى قوللىنىپ كەلگەن.

بۈيۈك نېمىسپەرەسلەر

  • بۈيۈك نېمىسپەرەسلەر[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىردە گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدىكى بۇرژۇئازىيە مەزھىپى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى بۇخېر (Lother Bucher 1817 — 1875)، رودبېرتۇس (Johannkarl Rodbertus 1805 — 1875)، ۋۇتتې (Heinrich Wuttke، 1818 — 1876) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. «ئاۋگوسبورگ ئومۇمىي مەلۇماتى» نى مەركەز قىلىپ، ئاۋسترىيىدىكى بۇرژۇئازىيە ۋە جەنۇبىي گېرمانىيىدىكى بىر قىسىم سودا بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتى ۋە تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلغان. ئاۋسترىيە پادىشاھىنىڭ گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىشنى، گېرمانىيىنىڭ ھەرقايسى شتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شۋېتسارىيىچە قوشما شتاتلار دۆلىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ مەزھەپ گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدىكى ئاز سانلىقلار ئىدى. 

بۈيۈك ۋيېتنام تارىخىي خاتىرىلىرى

  • بۈيۈك ۋيېتنام تارىخىي خاتىرىلىرى[يەشمىسى:] ۋېيتنامنىڭ قەدىمكى تارىخى كىتابى. چېن تەيزۇڭ دەۋرىدە ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدا ئەلاچى بولغان لى ۋېنشۇ (لىشۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بۇيرۇققا بىنائەن، 1272-يىلى خەنزۇچە يېزىق بىلەن يېزىپ پۈتتۈرگەن. 30 جىلدلىق بۇ تارىخىي كىتابتا مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان بۇ ئارىلىقنىڭ تارىخى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ۋېيتنامنىڭ تۇنجى رەسمىي تارىخى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ھازىر يوقىلىپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت بەزى ئوبزورلار «لى ۋېنشۇ ... ئېيتىدۇلەركى» دېگەن شەكىلدە «بۈيۈك ۋيېتنام تارىخىي خاتىرىلىرى قامۇسى» دېگەن كىتابىدا ساقلىنىپ قالغان. 

بۈيۈك ۋيېتنام تارىخى قامۇسى

  • بۈيۈك ۋيېتنام تارىخى قامۇسى[يەشمىسى:]ۋېيتنامنىڭ قەدىمكى تارىخىي كىتابى (خەنزۇچە). 1455-يىلى پەن فوشيەن لى رېنزۇڭنىڭ يارلىقى بويىچە «بۈيۈك ۋېيتنام تارىخىي خاتىرىسى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە كىرىشىپ، چېن تەيزۇڭ (1225-يىلى) دەۋرىدىن باشلاپ مىڭ سۇلالىسى ھىندىچىنىدىن ۋاز كەچكەنگە (1427-يىلى) قەدەر يېزىلغان. جەمئىي ئون توم بولۇپ، «تارىخىي خاتىرىلەرنىڭ داۋامى» دەپ ئاتالغان، لى شىڭزۇڭ دەۋرىدە يەنە ۋو شىلەننى قايتا تۈزۈشكە بۇيرۇغان. 1479-يىلى تۈزۈلۈپ بولۇپ، ئۇنىڭغا «بۈيۈك ۋيېتنام تارىخىي قامۇسى» دەپ نام بېرىلگەن. مەزكۇر قامۇس ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: ئالدىنقى بەش جىلددا خانلىقتىن ئىلگىرىكى ئىشلار، يەنى رىۋايەتتىكى خۇڭپاڭ دېگەن كىشىدىن تارتىپ 12 بەگلىكنى يوقاتقانغا قەدەر بولغان ئۆتكەن ئىشلار خاتىرىلەنگەن؛ كېيىنكى توققۇز جىلددا خانلار تەزكىرىسى، يەنى پادىشاھ شيەن (قەبىلە باشلىقى) (968-يىلى) دىن لى تەيزۇ (1428-يىلى) غا قەدەر بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرجىلدا «لى تەيزۇ ھەققىدە خاتىرە» بار بولۇپ، جەمئىي 15 جىلد. 1665-يىلى فەن گۇڭجۇ ئۇنى داۋاملىق تۈزىتىپ، «خان-پادىشاھلارنىڭ تەرجىمىھالى» دىن بەش جىلد قوشقان. ئۇنىڭدا لى تەيزۇڭ (1434-يىلى) دىن پادىشاھ لى گۇڭ ۋە مو سۇلالىسىنىڭ بىرىنچى يىلى (1532-يىلى) غا قەدەر بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار يېزىلغان؛ «خان-پادىشاھلارنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ داۋامى» دىن ئۈچ جىلد بولۇپ، ئۇنىڭدا لى جۇاڭزۇڭ (1533-يىلى) دىن لى شېنزوڭ (1662-يىلى) غا قەدەر بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر يېزىلغان. 1697-يىلى لى شى بىر جىلدلىق «داۋامىنىڭ تولۇقلىمىسى» نى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنىڭدا 1662-يىلدىن 1675-يىلىغىچە بولۇپ ئۆتكەن لى شۈەنزۇڭ بىلەن لى جيازۇڭ سۇلالىلىرىنىڭ ئىشلىرى يېزىلغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ قامۇس پۈتكەن. بۇ قامۇس جەمئىي 24 جىلد، يىلنامە شەكلىدە ھەمدە جۇڭگولۇق سىماچيەننىڭ «تارىخنامە» گە تەقلىد قىلىپ يېزىلغان بولۇپ، ۋەقە بايان قىلىنغاندىن كېيىن ئاپتورنىڭ مۇلاھىزىسى قوشۇلغان. ۋيېتنامنىڭ ھازىر ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم قەدىمىي تارىخىي ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۈيۈك ياپون ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسىي قانۇنى

  • بۈيۈك ياپون ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:]ئادەتتە «مېيجى ئاساسىي قانۇنى» دەپ ئاتىلىدۇ. ياپونىيىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى تۈپ قانۇنى. بۇ قانۇن 1889-يىل 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلىنغان، ئىككىنچى يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى يولغا قويۇلغان. يەتتە باب 76 ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: (1) ياپونىيە ئىمپېرىيىسىگە «تېننو ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ»، «تېننو دۆلەت باشلىقى بولىدۇ، ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى بىر تۇتاش تۇتىدۇ». (2) ئىمپېرىيە پارلامېنتىدا ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى تەسىس قىلىنىدۇ، ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسى خان جەمەتىدىكىلەر، ئېسىلزادىلەر ۋە سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئاۋام پالاتاسى جامائەت سايلاپ چىققان پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. (3) ئىچكى كابىنېت تېننو تەيىنلىگەن ئومۇمىي ئىشلار ۋەزىرى ۋە دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇ پارلامېنت ئالدىدا جاۋابكار بولماستىن، بەلكى تېننو ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. (4) ئەدلىيە ھوقۇقى ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى تەرىپىدىن تېننو نامى بىلەن يۈرگۈزۈلىدۇ، ھۆكۈمدارلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە ئېلان قىلىنماي ياكى جازا چارىسى كۆرۈلمەي تۇرۇپ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشقا بولمايدۇ. (5) خەلق قانۇن يولغا قويۇش دائىرىدە سۆز قىلىش، مەتبۇئات، يىغىن ئۆتكۈزۈش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش قاتارلىق ئەركىنلىككە ئىگە. ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ۋە باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىمۇ بار. بۇ ئاساسىي قانۇننىڭ ئەڭ چوڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، تېننو مۇتلەق ھوقۇققا ئىگە. كىشىلىك ھوقۇقىغا قوشۇمچە چەك قويۇلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، يەنى 1947-يىل 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ياپونىيە ئاساسىي قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بىكار قىلىنغان. 

بۈيۈك ياپونىيە تارىخى

  • بۈيۈك ياپونىيە تارىخى[يەشمىسى:]ياپونىيىنىڭ تارىخى كىتابى. 1657-يىلى (مىنلى 3-يىلى)، مىتو ۋاسسالىنىڭ بېگى توكوگاۋا مىتسۇكونى قۇرغان تارىخ جۇجۇقى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن. بۇ ئىش ئارىلىقتا بىرقانچە قېتىم توختاپ قالغان، 1906-يىلىغا كەلگەندە (مېيجى 39-يىلى) تولۇق پۈتتۈرۈلگەن. ئۇ 73 جىلد خاتىرە، 170 جىلد تەرجىمىھال، 126 جىلد تەزكىرە، 28 جىلد جەدۋەل بولۇپ، جەمئىي 397 جىلدتىن تەركىب تاپقان. 

بۈيۈك ياپونىيە ئىشلەپچىقىرىش پارتىيىسى

  • بۈيۈك ياپونىيە ئىشلەپچىقىرىش پارتىيىسى[يەشمىسى:]ياپونىيىدىكى مەملىكەتلىك خاراكتېرلىك فاشىستىك پارتىيە. بۇ پارتىيە 1931-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان. قارا ئەجدىھا جەمئىيىتى مېيتوكۇ جەمئىيىتى، «كايتېن ۋاقىت گېزىتى» ئەتراپىدىكى 19 تەشكىلات بىلەن بىرلىشىپ تەشكىل قىلغان. ئۇنىڭ تايانچلىرى ئوساكادىكى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىچىلار ۋە كونىلىقنى ساقلىغۇچىلاردىن ئىبارەت. ئۇنىڭغا ئوچىدا يوفېئى لېدىر، توياما مىتسۇرۇ مەسلىھەتچى بولغان. ئۇلار «بۈيۈك ياپونىيە مەسلىكى بويىچە دۆلەت پىلانىنى يولغا قويۇش» نى تەشەببۇس قىلغان. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بىر قىسمى قانلىق ئىتتىپاق ۋەقەسى، «15-ماي» ۋەقەسى ۋە مەرگەن ئەسكەرلەر ئەترىتى ۋەقەسىگە قاتنىشىپ تېننو تۈزۈمىدىكى ئارمىيىنى فاشىستلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرگەن. 1946-يىلى 1-ئايدا تارقىتىۋېتىلىپ، 1954-يىلى 6-ئايدا قايتا تەشكىل قىلىنغان.

بېبېل

  • بېبېل[يەشمىسى:]August Bebel،1840— 1913) گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. نامرات ئائىلىدىن چىققان. سېلىسار بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا سوتسىيالىزم ھەرىكىتىگە ئاتلانغان. لېيپىسىگ ئىشچىلار مائارىپى جەمئىيىتىگە كىرىپ، ماركسىزمچىغا ئايلانغان.1867-يىلى گېرمانىيە ئىشچىلار جەمئىيىتى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. شۇ يىلى شىمالىي گېرمانىيە فېدېراتىپىنىڭ پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىپ، پارلامېنتتىكى ئىشچىلىقتىن چىققان تۇنجى ۋەكىل بولۇپ، بىسماركنىڭ «تۆمۈر-قان سىياسىتى» گە قەتئىي قارشى تۇرغان،تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە ئىنقىلابىي يول بىلەن گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1869-يىلى ۋىلھېلم لىبكنېخت قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيە سوتسىيال-دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى (ئېيزىناخچىلار) نى قۇرغان. پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئىنتېرناتسىئونالىزم مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، پارىژ كوممۇنىسىنى قىزغىن قوللىغان. 1871-يىلى 3-ئايدا، گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1872-يىلى پارلامېنتتا ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن پۇل ئاجرىتىشقا، ئالساسې-لوررېننى يۇتۇۋېلىشقا قارشى ئاۋاز بەرگەنلىكتىن، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلدى، دەپ قارىلىنىپ، ئىككى يىل قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، كېيىن يەنە «پادىشاھقا بىھۈرمەتلىك قىلىش جىنايىتى» ئۆتكۈزدى، دەپ يەنە توققۇز ئاي نەزەربەند قىلىنغان. 1875-يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ئېيزىناخچىلار بىلەن لاسسالچىلار بىرلەشكەن گوتا قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 1878 — 1890-يىللىرى «سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن» يولغا قويۇلغان مەزگىلدە، قىيىن شارائىت ئاستىدا، پارتىيىگە رەھبەرلىك قىلىپ يوشۇرۇن ھالەتكە كۆچۈپ كۈرەش قىلىپ، ئىنقىلابىي كۈچلەرنى ساقلاپ قېلىش ۋە توپلاش يولىدا كارامەت تۆھپە قوشقان. ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرۇش ئىشىغا ئاكتىپ قاتناشقان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا بېرنىشتېين رېۋىزىئونىزمىغا قارىتا كۈرەش ئېلىپ بارغان. لېكىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۇرۇش، مىللەت ۋە مۇستەملىكە قاتارلىق مەسىلىلەردە بىتەرەپچىلىك خاتالىقىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن «تەرجىمىھالىم»، «خرىستىئان دىنى ۋە سوتسىيالىزم»، «ئاياللار ۋە سوتسىيالىزم» قاتارلىقلار بار. 

بېبىكوۋ

  • بېبىكوۋ[يەشمىسى:]Александр Ильич Бибиков، 1729 — 1774) روسىيە گېنېرالى، 1746-يىلى ئارمىيىگە كىرگەن. يەتتە يىللىق ئۇرۇشقا قاتناشقان. يېكاتېرىنا Ⅱ پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، ئىلتىپاتقا ئىگە بولۇپ، «1767-يىلدىكى قانۇن تۈزۈپ چىقىش كومىتېتى» نىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. 1771-يىلى قوشۇن باشلاپ بېرىپ، پولشا خەلق قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1774-يىلى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ۋە پومېشچىكلارنىڭ قوراللىق كۈچىگە قوماندانلىق قىلىپ، پۇگاچىيوۋ قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندا، خولېرا كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن. 

بېتئال

  • بېتئال[يەشمىسى:]ئەسلى قاراقچى دېگەن مەنىدە، ۋېنگرىيە كرۇسېت (Cruciati) قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ھۆرمەت نامى. 1711-يىلى ۋېنگرىيە دېھقانلار قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئورمانلىقلارغا كىرىۋالغان كرۇسېت قوزغىلاڭچىلىرىنى «بېتئال» لار دەپ ئاتىغان، بۇنىڭدا «خەلق قەھرىمانلىرى» دېگەن كۆچمە مەنە بار. 

بېتانكۇرت

  • بېتانكۇرت[يەشمىسى:]Romulo Betan Cour، 1908 — 1981) ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى (1959 — 1964)، دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ ئاساسچىسى. مىراندا شتاتىنىڭ گۋاتېرى دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 1928-يىلى ۋېنسۇئېلا مەركىزىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئۆگىنىۋاتقان مەزگىلىدە، گومېز (Juan Vicente Comez) مۇستەبىت ھۆكۈمىتىگە قارشى بولغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغانلىقتىن، تۈرمىگە تاشلانغان. كېيىن كولومبىيە ۋە كوستارىكادا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1931-يىلى سولچى ئىنقىلابىي گۇرۇپپا (دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ تەكتى) نى قۇرۇپ چىققان.1937-يىلى دۆلەت دېموكراتلار پارتىيىسىنى بەرپا قىلغان. 1939 — 1941-يىللىرى چىلى ۋە ئارگېنتىنادا مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتتا دەرس ئۆتكەن. 1941-يىلى 9-ئايدا دۆلەت دېموكراتلار پارتىيىسى دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەندىن كېيىن ئۆمۈرلۈك رەئىس بولغان. 1945-يىلى 10-ئايدا مېدىنا. ئانگارىتا (Isaias Medina Angarita 1897 — 1953) ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش سىياسىي ئۆزگىرىشىگە قاتنىشىپ، سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1948-يىلى جىمېنېس (Marcos Perez Jimenez 1914-) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە، دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيىسى قانۇنسىز تەشكىلات دەپ ئېلان قىلىنىپ، يەنە بىر قېتىم چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1958-يىلى 1-ئايدا، جىمېنېس ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. شۇ يىلى 12-ئايدا زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەنگەن ھەمدە جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۆمۈرلۈك كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى بولغان. زۇڭتۇڭلۇقتىن قالغاندىن كېيىن، شۋېتسىيىدە مۇھاجىر بولغان، 1972-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ بارغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ۋېنسۇئېلا: سىياسىي ۋە نېفىت»، «ۋېنسۇئېلا، ئۆز نېفىتىنىڭ خوجايىنى» قاتارلىقلار بار. 

بېتخوۋېن

  • بېتخوۋېن[يەشمىسى:]Ludwig von Beethoven، 1770 — 1827) گېرمانىيە مۇزىكانتى، ۋېنا كلاسسىك مۇزىكا ئېقىمى ۋەكىللىرىنىڭ بىرى. كورۇل سايلىمىغا قاتنىشالايدىغان بون كىيولىن ئوردىسى ناخشىچىسىنىڭ ئوغلى ئىدى. بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا دادىسىدىن مۇزىكا ئۆگەنگەن. 1792-يىلدىن باشلاپ ۋېنادا ئولتۇراقلىشىپ، ئوقۇتۇش، ئويۇن قويۇش ۋە ئىجادىيەت بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. 1798-يىلدىن باشلاپ ئاڭلاش سېزىمى بارا-بارا ئاجىزلاپ كېتىپ، 1820-يىلدىن كېيىن ئىككى قۇلىقى ئاڭلىماس بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىجادىيەتنى داۋاملاشتۇرغان. ياش ۋاقتىدا مەرىپەت ھەرىكىتى ۋە فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. ئۆمۈر بويى «ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھرىبانلىق» تىن ئىبارەت غايىگە ئىنتىلىپ، كۆپلىگەن ئەسەرلىرىدە شۇ چاغدىكى بۇرژۇئازىيىنىڭ فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇش، دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنقىلابىي قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى بەزى ئەسەرلىرىدە پاسسىپ، تەركىيدۇنيالىق كەيپىيات ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىغا نىسبەتەن يەنىلا قىزغىن تەلپۈنۈش كەيپىياتىدا بولغان. ياۋروپا مۇزىكا تارىخىدا ھايدىن، مۇزارت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى مۇزىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، كلاسسىك ئېقىمىنىڭ بۈيۈك نەتىجىلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، رومانتىزم ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئىجادىيەت نەتىجىلىرى يېقىنقى زامان غەرب مۇزىكا تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن، توققۇز قىسىملىق سىمفونىيە (ئۈچىنچىسى «قەھرىمان»، بەشىنچىسى «تەقدىر»، ئالتىنچىسى «يېزا»، توققۇزىنچىسى «خور» ئەڭ مەشھۇر)؛ ئوپېرا «فېدېيرىئو»، 32 رويال سوناتاسى («ماتەم كۈيى»، «شاتلىق» قاتارلىقلار ئەڭ مەشھۇر) ھەمدە ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىنىشى بىلەن پىئانىنودا ئورۇندالغان مۇزىكا، ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىنىشى بىلەن ئىسكىرىپكا بىلەن ئورۇندالغان مۇزىكا، قىللىق چالغۇدا ئورۇندالغان تۆت ئاھاڭلىق مۇزىكا ئەسىرى قاتارلىقلار بار.

بېتلېن

  • بېتلېن[يەشمىسى:]Bethlen Istvan، 1874 — 1946) ۋېنگرىيە زۇڭلىسى (1921 — 1931). گراف. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1901-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1918 — 1919-يىللىرى ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتىگە قارشى تۇرۇپ ۋېنادا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1919-يىلى 4-ئايدىن 7-ئايغىچە ۋېنگرىيە خورتې ھۆكۈمىتىنىڭ ۋېنادا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ۋەكىلى بولغان. 1921-يىلىدىن باشلاپ زۇڭلى بولغان. ئىككىنچى يىلى چوڭ پومېشچىك ۋە چوڭ بۇرژۇئازلارنىڭ مىللىي بىرلىكى پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن. زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىللىرىدە ئىچكى جەھەتتە ئەكسىيەتچىل سىياسەت يۈرگۈزۈپ، تاشقى جەھەتتە فاشىست ئىتالىيىسىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، 1927-يىلى ئىتالىيە بىلەن «دوستلۇق شەرتنامىسى» ئىمزالىغان. 1936-يىلى زوراغالىق مەسلىھەتچىسى ۋە يۇقىرى پالاتانىڭ ئۆمۈرلۈك ئەزاسى بولغان. 1940-يىلى فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ ۋېنگرىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، گېرمانىيىگە قوشۇۋېتىلىدىغان «بېرلىن شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا قارشى چىققان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى ئەنگلىيە-ئامېرىكا بىلەن ئايرىم-ئايرىم شەرتنامە تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە شۇ ئارقىلىق خورتې مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ھالاكىتىنى توسۇپ قالماقچى بولغان. 1945-يىلى سوۋېت ئارمىيىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا يالاپ ئېلىپ كېتىلگەن.

بېتمان ھوللۋېگ

  • بېتمان ھوللۋېگ[يەشمىسى:]Theobald Von Bethmann Hollweg 1856—1921) گېرمانىيە باش ۋەزىرى(1909—1917) بانكىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1899-يىلى براندېنبۇرگ ئۆلكىسىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1905—1907-يىللىرى پرۇسسىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1907— 1909-يىللىرى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلىدە، پۈتۈن كۈچى بىلەن مەركەز پارتىيىسى بىلەن گېرمانىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى تۈزگەن قارا-كۆكلەر ئىتتىپاقىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە تايىنىپ، يۇنكېرلار ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ماسلاشقان. سىرتقا نىسبەتەن، گېرمانىيىنى يېتىم ئورۇندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئانتانتا دۆلەتلەرنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن نەتىجە چىقىرالمىغان. 1914-يىلى 8-ئايدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىلىدە، گېرمانىيە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇرۇش جەريانىدا «تىنچلىق» نەيرىڭىنى ئىشقا سېلىپ، روسىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا سۈلھ قىلىشماقچى بولغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىنى توسقان. 1917-يىلى پرۇسسىيىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ئۇرۇشىنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، ھەربىي تەرەپنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، 1917-يىلى 7-ئايدا ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. «دۇنيا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئەسلىمە» دېگەن ئەسىرى بار.

بېھىستۇن ئويما يېزىقى

  • بېھىستۇن ئويما يېزىقى[يەشمىسى:]پىسۇتۇن ئويما يېزىقى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى دارا (Darius) ئورناتقان، تۆھپىسى ئويۇلغان تاش ئويما. قەدىمكى پارس، يېڭى ئېلام ۋە بابىل يېزىقىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل مىخ يېزىق بىلەن قەدىمكى پايتەخت ئېكباتان (Вкьатанбi) نىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بېھىستۇن (Behistun ياكى Bisutum) چوڭ قىيا تېشىغا ئويۇلغان. بۇنىڭدا دارىئۇسنىڭ گائۇماتا (Gaumata) سىياسىي ئۆزگىرىشى ۋە جايلاردىكى ئىسيانلارنى باستۇرۇشى ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختنى تارتىۋېلىش جەريانى خاتىرىلەنگەن. ئويمىنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرىسىغا دارىئۇسنىڭ ۋە ئۇ مەغلۇپ قىلغان توققۇز ئاسىي باشلىقنىڭ قولى باغلانغان قاپارتما سۈرىتى ئويۇلغان. دارىئۇس ھەربىر قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى ئېلاھ ئاھۇرا. مازدا (پارسچە ahura Mazda، يۇنانچە Ormasd) نىڭ ھىمايىسى ئارقىسىدا قولغا كەلتۈردۇق، دېگەن. بۇ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ مۇھىم پارىس ئويما يېزىقى بولۇپ، قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئەڭ قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. 1835-يىلى ئەنگلىيە ئالىمى راۋلىنسون (Henw Greswicki Rawlinson) ئىراننىڭ غەربىدىكى كېرمانشاھ (Kermanshah) نىڭ يېنىدىن تاپقان ھەمدە نۇسخا چۈشۈرۈۋالغان. 1847-يىلى ئۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى قەدىمكى پارىس يېزىقىدىكىسىنى تەرجىمە قىلىپ چۈشەندۈرگەن. كېيىن ئۇنى بابىل يېزىقىدىكىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، يەنە ئاسۇرىيە، بابىل مىخ يېزىقىدىكىسىنى ئوقۇپ چىققان. 

بېدرېددىن قوزغىلىڭى

  • بېدرېددىن قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]1415 — 1420-يىللىرى كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي ۋە بالقان يېرىم ئارىلىدىكىلەرنىڭ ئوسمان تۈركلىرى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭى. ئاساسلىق رەھبىرى ئىسلام دىنى زاھىدلىق مەزھىپىنىڭ شەيخى بەدرىددىن (Bedreddin ياكى BadraddinIbn Qadisawna 1358 تەخمىنەن 1416) نىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. 1415—1416-يىللىرى ئىلگىرى كېيىن مانىسا، ئىزمىر، بالقان يېرىم ئارىلىدىكى ۋالاخىيە ۋە دوبرۇجا رايونلىرىدا قوزغالغان. دېھقانلار، قول ھۈنەرۋەنلەر ۋە بەخشەندە قىلىپ بېرىلگەن يەرلىرى بولغان ئۇششاق ئەمەلدارلار قاتناشقان، قوزغىلاڭچىلارمۇ مۈلۈك ئومۇمنىڭ بولۇشىنى، بىر خۇدالىق ئۈچ دىن (ئىسلام دىنى، خرىستىئان دىنى ۋە يەھۇدىي دىنى)ئورنىنىڭ باراۋەر بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىدىكى قوزغىلاڭچىلار خىئوس ۋە ساموس ئاراللىرىدىكى يۇنان دېھقانلىرى بىلەن بىرلىشىپ، تۈركىيە فېئوداللىرىغا بىللە قارشى تۇرغان. 1420-يىلى قوزغىلاڭ سۇلتان قوشۇنى تەرىپىدىن باستۇرۇۋېتىلگەن. 

بېدنىي

  • بېدنىي[يەشمىسى:]Демьян БедньIй، 1883 — 1945) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى شائىرى، ئەسلى ئىسمى ئېفىم ئالېكسېيۋىچ پرىدۋوروۋ (Ефим Алексеевич Придворов). كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1908-يىلى پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات-تارىخ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «روسىيە بايلىقى»،«ئىسكرا گېزىتى»قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلغان. 1912-يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. «ھەقىقەت گېزىتى» دا دائىم ساتىرا ۋە مەسەللەر ئېلان قىلىپ، چاررىزمنىڭ ۋەھشىيلىكى ۋە چىرىكلىكىنى پاش قىلىپ، خەلقنى ئىنقىلابىي كۈرەشكە ئىلھاملاندۇرغان. ئىچكى ئۇرۇش ۋە ۋەتەن ئۇرۇشى دەۋرىدە شېئىرلىرى ئارقىلىق خەلق بىلەن قىزىل ئارمىيىنى مەدھىيىلەپ، دۈشمەننى قامچىلىغان. كېيىنكى مەزگىلدە يازغان ئەسەرلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش داۋامىدىكى روھىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئۇنىڭ مەشھۇر شېئىرلىرىدىن:«ئۇزىتىش»، «چوڭ كوچا»، «سۈرئەت» قاتارلىقلار بار.

بېدې

  • بېدې[يەشمىسى:]Bede،تەخمىنەن 673 — 735) ئەنگلىيە تارىخچىسى. كىچىكىدىن موناستىردا تەربىيىلىنىپ تېخنولوگىيە، تارىخ، ئەدەبىيات ھەمدە تەبىئىي پەنلەرنى تەتقىق قىلىپ، چوڭقۇر مەلۇماتقا ئىگە بولغان. ئوتتۇز يېشىدا پوپ بولغان. يازغان ئەسىرى «ئەنگلىيە دىنىي جەمئىيەت تارىخى» دا كائېسارنىڭ برىتانىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىدىن (مىلادىدىن 55 يىل ئىلگىرى)مىلادى 731-يىلغىچە بولغان تارىخىي ئىشلار بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان. 597-يىلى كاتولىك دىنى پوپى سانت. ئاۋگۇستىنۇسنىڭ برىتانىيىگە كېلىپ دىن تارقىتىشى بۇرۇلۇش نۇقتىسى قىلىنىپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تارىخىي ئىشلار ئاساسەن رىم تارىخچىسى ئورۇسيۇس (Orosius، تەخمىنەن 380 — تەخمىنەن 420) قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىن ماتېرىيال تاللاپ يېزىلغان بولۇپ، ئانچە ئىشەنچلىك ئەمەس؛597-يىلدىن كېيىنكى قىسمى نۇرغۇنلىغان ھۈججەت-ماتېرىياللار ۋە تەرىپ-رىۋايەتلەرگە ئاساسەن يېزىلغانبولۇپ، قۇرۇلمىسى پۇختا، ئىشلارنىڭ بايانى تەپسىلىي ھەم پاكىتلىق. كاتولىك دىنىنىڭ برىتانىيىدىكى تارقىلىش جەريانىدىن باشقا يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيىنىڭ سىياسىي ئىگىلىك ۋە مەدەنىيەت ئەھۋاللاتلىرىغىمۇ چېتىلغان. يىلنامە ئۇسۇلىدا، رىۋايەتلەردىكى ئەيسا خرىستوس تۇغۇلغان يىلى ئۆلچەم قىلىنىپ ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىلىرىگە «C. B» (خرىستوس تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن دېگەن مەنىدە) بەلگىسى، ئۇنىڭدىن كېيىنكىلىرىگە «D.A» بەلگىسى (پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان يىلى دېگەن مەنىدە) قويۇلۇپ، خرىستىئان دىنى يىلنامىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن. بېدې ئۆزىنىڭ ئەنگلىيە تارىخشۇناسلىقىدىكى زور تۆھپىسى ئۈچۈن ھۆرمەتلىنىپ «ئەنگلىيە تارىخشۇناسلىقىنىڭ بوۋىسى» دەپ ئاتالغان.

بېرانئانگ

  • بېرانئانگ[يەشمىسى:]Baranang) مالاي يېرىم ئارىلىدىكى قەدىمكى دۆلەت. بىر ئېيتىلىشىچە مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان دېيىلىدۇ، يەنە بىر ئېيتىلىشچە مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى سېلانگور (Selangor) بىلەن سېمبىلان (Sembilan) ئارىلىقىغا جايلاشقان دېيىلىدۇ. سىرىۋىجايا (Srivijaya) غا بېقىندى بولغان. بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. سودا ئىشلىرى راۋاج تاپقان. 

بېرانگېر

  • بېرانگېر[يەشمىسى:]Pierre jeandede — Beranger، 1780 — 1857) فرانسىيە دېموكراتىك قوشاقچىسى، پارىژدىكى بىر ئۇششاق بۇرژۇئا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. شاگىرت، ھەرپ تىزغۇچى ۋە خىزمەتچى بولغان. بۈيۈك فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىنى چوڭقۇر قوبۇل قىلىپ، 1812-يىلدىن باشلاپ پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىپ قوشاق ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1813-يىلى «ئىۋدۇ پادىشاھى» نى يېزىپ، ناپولېئوننىڭ ھەربىي مۇستەبىتلىكىنى مەسخىرە قىلىش بىلەن نام چىقارغان. بوربون سۇلالىسىنى تىرىلدۈرۈش مەزگىلىدە، «ئاقسۆڭەك ئىتنىڭ ئەرز قىلىشى»، «ئاق كاكار»، «ھاماقەت چارلېسنىڭ تاج كىيىشى» قاتارلىق فېئوداللىق تىرىلىشكە قارشى سىياسىي قوشاقلارنى يېزىپ چىقىپ، ئىككى قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان. تۈرمىدىمۇ داۋاملىق يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1830-يىلى ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، كىنەز ئورلېئاننىڭ تەختكە چىقىشىنى قوللىغان. كېيىن ئاممىۋى ئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا، ئىيۇل سۇلالىسى بەرگەن مۇھىم ۋەزىپە ۋە يىللىق مائاشنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ، «ئىيۇل قەبرىلىرى»، «قېرى سەرگەردان»، «كەلكۈن» قاتارلىق ئىيۇل سۇلالىسىنى سۆكۈپ، خەلقنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىگە ھېسداشلىق قىلىدىغان ھەمدە ئىنقىلابقا تەنتەنە قىلىدىغان شېئىرلارنى يازغان. 1848-يىلى ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، كېيىن ئىستېپا بەرگەن. ئىككىنچى ئىمپېرىيە مەزگىلىدە، «جەبرائىل ۋە ساقچى» نى يېزىپ ناپولېئون Ⅲ نىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى قامچىلىغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا روشەن رېئاللىق ۋە ئىنقىلابىي دېموكراتىزملىق خاھىش بولۇپ، ماركس ئۇنى «ئۆلمەس بېرانگېر» دەپ ئاتىغان، ئەسەرلىرى توپلىمى ۋە «خەت چەكلىرى توپلىمى» بار.

بېئارد Charles Austin Beard

  • بېئارد Charles Austin Beard[يەشمىسى:]، 1874 — 1948) ئامېرىكا تارىخچىسى. ياش ۋاقتىدا دېپ داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن ئەنگلىيە ئوكسفورد داشۆسىگە بېرىپ ئوقۇغان. 1904-يىلى كولومبىيە داشۆسىنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1907 — 1917-يىللىرى، شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، كېيىن نيۇ-يورىك شەھەرلىك جامائەت ئىشلىرى تەلىم-تەربىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان. دېۋېي، ۋېبلېن ۋە روبېنزون قاتارلىقلار بىلەن بىرگە جەمئىيەت تەتقىقاتى يېڭى شۆيۈەنىنى بەرپا قىلغان. 1933-يىلى ئامېرىكا تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ھەمدە «تارىخ يېزىش بىر خىل ئېتىقادتىن كېلىپ چىققان ھەرىكەت» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا تارىخى تەتقىقاتىغا كۈچ چىقارغان. ئامېرىكا تارىخشۇناسلىقىنىڭ «ئىقتىساد ئىلمىي ئېقىمىدىكىلەر» نىڭ ئاساسچىسى. كېيىن ئامېرىكا دىپلوماتىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا يۆتكىلىپ، فرانكلىن. دېلانو. روزۋېلت زۇڭتۇڭنىڭ «يېڭىچە سىياسىتى»ۋە ئۇنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە قارشى تۇرغان ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ، مۇھىملىرى: «ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىغا ئىقتىسادىي ئىزاھات»، «ئامېرىكا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى» (ئايالى مارىي بىلەن بىرلىشىپ يازغان)، «يېقىنقى زامان ياۋروپاسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى» (روبىنزون بىلەن بىرلىشىپ يازغان)، «1932 — 1940-يىللاردىكى ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى»، «زۇڭتۇڭ روزۋېلت ۋە 1941-يىلقى ئۇرۇشقا قاتنىشىشى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

بېرتانى

  • بېرتانى[يەشمىسى:]Agostino bertani 1812 — 1886) ئىتالىيە دېموكراتىزمچىسى. ئەسلى تاشقى كېسەللەر دوختۇرى ئىدى. 1848 — 1849-يىللاردىكى ئىنقىلابتا مىلان قوزغىلىڭى ۋە رىم جۇمھۇرىيىتىنى قوغداش كۈرىشىگە قاتنىشىپ، جۇمھۇرىيەت قوشۇنىدا قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان.1859-يىلى گارىبالدى جۈنتۇەنىگە قاتنىشىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. 1860-يىلى گارىبالدى قىزىل كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنىنى جەنۇبىي ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلىشقا ئۇيۇشتۇرغۇچىلار ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرى. 1866-يىلى گارىبالدى جۈنتۇەنىگە يەنە بىر قېتىم قاتنىشىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان، ئىككىنچى يىلى گارىبالدى رىمغا يۈرۈش قىلغاندا، يېڭىباشتىن جەڭگە ئاتلانغان. 

بېركېلېي

  • بېركېلېي[يەشمىسى:]George Berkeley، 1685 — 1753) ئەنگلىيە ئىدېئالىزمچى پەيلاسوپى، دىن تارقاتقۇچى. ياش ۋاقتىدا دوبلىن بىرىنچى مارت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ، كېيىن يەنە مۇشۇ مەكتەپتە تەتقىقاتچى بولغان. 1734-يىلى ئىرلاندىيىنىڭ جەنۇبىدىكى كلوين (Cloyne) دىن رايونىغا ئېپىسكوپ بولغان. ھوببېس، سپىنوزا قاتارلىقلارنىڭ ماتېرىيالىستىك ئاتېئىزم پەلسەپە ئىدىيىسىگە قارشى تۇرۇپ، ئىدېئالىزمنى تەرغىپ قىلغان. «مەۋجۇدىيەت — سەزمەك» دېگەن سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزملىق قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھەقىقىي مەۋجۇدىيەت مەن ۋە مېنىڭ تۇيغۇم، سىرتقى دۇنيادىكى شەيئىلەر «تۇيغۇلار يىغىندىسى» دىنلا ئىبارەت، دەپ ھېسابلىغان، لېكىن يەنە كۈللى شەيئى خۇدانىڭ قەلبىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، دېگەن. ئۇنىڭ پەلسەپىۋى نۇقتىئىنەزەرىنىڭ ھازىرغىچە تەسىرى بار. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «كۆرۈش تۇيغۇسى توغرىسىدىكى يېڭى مۇھاكىمە»، «ئىنسانلارنىڭ بىلىش پرىنسىپلىرى»، «بېركېلېي پەلسەپە دېئالوگلىرىدىن ئۈچ قىسىم» قاتارلىقلار بار.

بېرگېن خاتىرىسى

  • بېرگېن خاتىرىسى[يەشمىسى:]كىتاب نامى. 1737-يىلى نورۋېگىيە تارىخشۇناسى، دراماتۇرگى ھولبېرگ يازغان ئەسەر. ئۇ «گرېفنىڭ ساياھىتى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئۇسۇلى بويىچە، بۇ دۆلەتنىڭ غەربىي دېڭىز بويىدىكى شەھىرى بېرگېننىڭ تارىخىنى بايان قىلغان. ئۇ لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان ھەجۋىي ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

بېرگسون

  • بېرگسون[يەشمىسى:]Henri Bergson، 1859 — 1941) فرانسىيىلىك ئىدېئالىستىك پەيلاسوپ. 1889-يىلى ئالىي دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن ئەخلاق ۋە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. 1900-يىلىدىن باشلاپ ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە فرانسىيە شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان، 1922-يىلىدىن باشلاپ مەزكۇر مەكتەپنىڭ پەخرىي پروفېسسورى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا دىپلوماتىيە ئەلچىسى سۈپىتىدە ئىسپانىيە ۋە ئامېرىكىغا بارغان، ئۇ بىۋاسىتە سىزمىچىلىق پەلسەپىسىنى يارىتىپ، ئەقىل ۋە پەننىڭ رولىنى كۈچىنىڭ بارىچە چۆكتۈرۈپ، غەرب پەلسەپە ساھەسىدىكىلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئاڭنىڭ بىۋاسىتە نەزەرىيىۋى ئاساسلىرى توغرىسىدا»، «ماددا ۋە ئەستە تۇتماق»، «مېتافىزىكا مۇقەددىمىسى»، «ئىجادىيەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى»، «ئەخلاق ۋە دىننىڭ ئىككى مەنبەسى» بار. بېرگسون 1928-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

بېرلىشىنگېن

  • بېرلىشىنگېن[يەشمىسى:]Gotz van Berlichingen، تەخمىنەن 1480 — 1562) گېرمانىيىلىك رىتسار.«تۆمۈر قوللۇق رىتسار» دەپ نامى بار. ۋىيۇرتېمبېرگ گېرتسوگلۇقىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1524 — 1525- يىللىرىدىكى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، فرانكونىيە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قاتنىشىپ، رىتسارلارنىڭ مەنپەئىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، قوزغىلاڭنى مۆتىدىل يول بويلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كويىدا بولغان. 1525-يىلى 4-ئايدا ئارمىيە كوماندىرى بولغان. شېۋابىيە ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ھارپىسىدا دېھقانلارغا ئاسىيلىق قىلغان. كېيىن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ كە تەسلىم بولۇپ، تۈركىيە سۇلتانى سۇلايمان Ⅰ ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى فرانسىيە كورۇلى فرانسېس Ⅰ بىلەن بولغان ئۇرۇشقا قاتناشقان. ئۇنىڭ «تۆمۈر قول رىتسار-گېس» ناملىق تەرجىمىھالى بار. گېرمانىيە شائىرى گىيوتې بۇنىڭغا ئاساسەن 1773-يىلى «گېسفىن-بېرلىشىنگېن» ناملىق تارىخىي درامىسىنى يېزىپ چىققان. 

بېرلىن پەرمانى

  • بېرلىن پەرمانى[يەشمىسى:] ناپولېئوننىڭ ئەنگلىيىگە قارشى قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىشىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى ئاساسلىق ھۈججىتى. 1806-يىل 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ناپولېئون بېرلىندىكى پرۇسسىيە كورۇلى ھۇزۇرىدا ئېلان قىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. پەرماندا: برىتانىيە ئاراللىرى مۇھاسىرە ھالىتىدە تۇرغانلىقتىن، ئۇلار بىلەن بولىدىغان ھەرقانداق سودا ۋە خەۋەرلىشىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ فرانسىيە ئارمىيىسى ھەمدە ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى ئىشغالىيىتىدىكى ئەنگلىيە پۇقرالىرى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى بىردەك ئەسىرگە ئېلىنىدۇ ۋە مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ ئەنگلىيە ھەمدە ئۇنىڭ مۇستەملىكىلىرىدىن كەلگەن پاراخوتلارنىڭ ھەممىسى فرانسىيە ھەمدە ئۇنىڭغا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ھەرقانداق پورت-پرىستانلىرىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ، دەپ جاكارلانغان. مەزكۇر پەرمان قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىش سىستېمىسىنى يولغا قويۇشنىڭ باشلىنىشى دەپ قارالغان. شۇنىڭدىن كېيىن فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئىككى تەرەپ ئۆزئارا قامال قىلىش ۋە قامال قىلىشقا قارشى تۇرۇشتىكى بىر قاتار پەرمانلارنى چىقارغان.

بېرلىن جېڭى

  • بېرلىن جېڭى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ بېرلىننى ئىشغال قىلىش جېڭى. 1945-يىلى ئەتىيازدا، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گېرمانىيە تېررىتورىيىسىگە كىرىپ ئۇرۇشقان. گىتلېر بىر مىليون ئەسكەر توپلاپ بېرلىننى قوغداپ، كۈچىنىڭ بارىچە شەرقىي سەپنى كۈچەيتىپ، سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ، ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ ئەنگلىيە، ئامېرىكا بىلەن ئايرىم-ئايرىم ياراشماقچى بولغان. سوۋېت ئارمىيىسى ئۈچ يۆنىلىش ئەسكىرىي كۈچ بىلەن 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ھۇجۇمنى باشلىغان، 4-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە ئودېر دەرياسى، نىس دەرياسى مۇداپىئە سېپىدىن ئۆتۈپ، 25-كۈنى بېرلىننى پۈتۈنلەي مۇھاسىرىگە ئالغان. 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە كەسكىن كوچا جېڭى ئارقىلىق، بېرلىننى ئىشغال قىلغان. 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، بېرلىن ئەتراپىدىكى كارس خورست دېگەن جايدا گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالىي قوماندانلىق شتابىنىڭ ۋەكىلى كېتېل تەسلىمنامىگە شەرتسىز ئىمزا قويغان.

بېرلىندىكى مارت قوزغىلىڭى

  • بېرلىندىكى مارت قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]بېرلىندىكى ئىنقىلابىي خەلقنىڭ پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلىڭى. 1843-يىلى 3-ئاينىڭ باشلىرى، بېرلىندىكى ئامما يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، تەبىقە ئىمتىيازىنى بىكار قىلىشنى، پارلامېنت چاقىرىشنى، سىياسىي مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. كورۇل فرېدىرىخ ۋىلھلىم Ⅳ قوشۇننى ئىشقا سېلىپ يىغىلىش ئۆتكۈزگەن ئاممىنى تارقىتىۋەتكەن. شۇنداق قىلىپ قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. 13-كۈنى ۋېنا خەلقىنىڭ مېتىنى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىق خەۋىرى بېرلىنغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن كۈرەش ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلەشكەش. كورۇل خەلقنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ لىبېراللىرىنى يېنىغا تارتىپ، ئىنقىلابنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان. 17 — 18-كۈنلىرى ئالاھىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، گېزىت-ژۇرناللارنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان؛ بىرلەشمە شتات پارلامېنتى چاقىرىشقا ھەمدە گېرمانىيە دېموكراتىك فېدېراتىپ دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا ۋەدە بەرگەن. بۇرژۇئازىيە لىبېراللىرى بارا-بارا ھۆكۈمەت بىلەن مۇرەسسە قىلغان. بېرلىن ئاممىسى كورۇلدىن ئارمىيىنى پايتەختتىن چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغاندا ئارمىيە ۋە ساقچى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان، بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن خەلق 18-كۈنى كوچىلارغا توسۇقلارنى قۇرۇپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، ئاخىرى كورۇلنى ئۇرۇشنى توختىتىش ھەمدە ئارمىيىنى بېرلىندىن ئېلىپ چىقىپ كېتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان، قوزغىلاڭ غەلىبە قىلغان. لېكىن غالىبىيەت مېۋىسىگە بۇرژۇئازىيە ئىگە بولۇۋالغان. 29-كۈنى پرۇسسىيىدە كامپخاۋېن-خانىسېمان لىبېراللار كابىنېتى قۇرۇلغان. 

بېرلىن-رىم-توكيو ئوق مەركىزى

  • بېرلىن-رىم-توكيو ئوق مەركىزى[يەشمىسى:] گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيىنىڭ كوممۇنىزمغا قارشى ئىتتىپاقى. گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق فاشىست دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىدىكى گۇرۇھى. 1936-يىل 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە بېرلىندا كېلىشىم ئىمزالاپ «بېرلىن-رىم ئوق مەركىزى»نى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، گېرمانىيە بىلەن ياپونىيە بېرلىندا «كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى كېلىشىم» ئىمزالىغان، 1937-يىل 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئىتالىيە «كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى كېلىشىم» گە قاتناشقان. شۇنداق قىلىپ ئۈچ دۆلەت رەسمىي تاجاۋۇزچى ئىتتىپاق بولۇپ ئۇيۇشقان. تارىختا «بېرلىن-رىم-توكيو ئوق مەركىزى» دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن، 1940 -يىل 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈچ دۆلەت يەنە بېرلىندا ئىتتىپاق شەرتنامىسى ئىمزالاپ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ھەربىي ئىتتىپاق بولۇپ ئۇيۇشقان.

بېرلىن كېلىشىمى

  • بېرلىن كېلىشىمى[يەشمىسى:]ئامېرىكا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ بېرلىننىڭ غەربىي رايونى مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمى.1970-يىل 3-ئاينىڭ 26-كۈنى تۆت دۆلەت بېرلىننىڭ غەربىي رايونى مە- سىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلاپ، 1971-يىل 8-ئاينىڭ 23-كۈنى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى كېلىشىمگە قول قويغان. 1972-يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنى، تۆت دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بېرلىننىڭ غەربىي رايونىدا تۆت دۆلەتنىڭ بېرلىننىڭ غەربىي رايون مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى توختامنامىسىگە ئىمزا قويغان ۋە مەزكۇر كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولغان. كېلىشىمدە: «تۆت دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ھەرقايسىسىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش»، «مەزكۇر رايوندا شەكىللەنگەن ھەمدە مەزكۇر كېلىشىم شۇنىڭدەك مەزكۇر كېلىشىمدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان باشقا كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن ھالەتنى بىر تەرەپنىڭ ئۆزگەرتىشىگە بولمايدۇ»؛ «بېرلىننىڭ غەربىدىكى رايون بىلەن گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا» قوشۇلىدۇ، «گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ باشقا ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە بېرلىننىڭ غەربىي رايونىدىكى شەھەر ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇشلۇق ۋەكىلى سۈپىتىدە، بېرلىننىڭ غەربىي رايونىدا دائىمىي ئالاقىلىشىش ئورگىنى تەسىس قىلىدۇ»، «گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا تەشكىلات ۋە خەلقئارا يىغىنلاردا بېرلىننىڭ غەربىي رايونىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ» ۋەھاكازالار دەپ بەلگىلەنگەن. كېلىشىمدە يەنە: «بېرلىننىڭ غەربىي رايونى بىلەن گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىنىدىكى تاشيول، تۆمۈريول ۋە سۇ يولىدىكى قاتنىشى ھەمدە پۇقرالار ۋە ماللارنىڭ چېگرىدىن ئۆتۈشى ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ»، بېرلىننىڭ غەربىي رايونى بىلەن شەرقىي رايونى شۇنىڭدەك دېموكراتىك گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى قاتناشمۇ ياخشىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 

بېرلىن يىغىنى

  • بېرلىن يىغىنى[يەشمىسى:]1) ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ «سان سىتېپانو سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئۆزگەرتىش، بالقاندىكى تەسىر دائىرىسىنى قايتىدىن ئايرىش يۈزىسىدىن ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىن.1878-يىل6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن. روسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان؛ رومىنىيە، يۇنان، مونتېنېگرو، ئىران قاتارلىقلارمۇ ۋەكىل قاتناشتۇرغان بولسىمۇ پەقەت سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكىلا ئىگە بولغان. يىغىندا كۈرەش كەسكەن بولۇپ، ئەنگلىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ بىرلىشىپ بېسىم قىلىشى ۋە گېرمانىيىنىڭ «بىتەرەپ» پوزىتسىيە تۇتۇشىدەك ئەھۋال ئاستىدا، يېتىم قالغان. روسىيە زور يول قويۇشقا مەجبۇر بولغان. يىغىندا بۇلغارىيىنىڭ ئاپتونومىيىلىك دۆلەت ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ پادىشاھىنى سايلاشقا ۋە ئارمىيىسى بولۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى، لېكىن تېررىتورىيىسىنىڭ بالقان تاغ تىزمىلىرىنىڭ شىمالىدىكى رايونغىچە بولىدىغانلىقى؛ جەنۇبتىكى رايونلارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان رومىنىيە يەنىلا تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولىدىغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان. يىغىن يەنە سېربىيە، رومىنىيە ۋە مونتېنېگرونىڭ مۇستەقىللىكىنى، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بوسنىيە ۋە گېرتسېگوۋېناغا بولغان ئىشغالىيەت ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. روسىيە باتۇمى ۋە كارس قاتارلىق جايلارغا ئىگە بولغان. (2) ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئافرىقىنى بۆلۈشۈۋېلىش توغرىسىدا ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىن. 1884-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 1885-يىل 2-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن. 1884-يىلى فرانسىيە، پورتۇگالىيە ۋە بېلگىيە كورۇلى لېئوپولدⅡ چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان. «خەلقئارالىق كونگو جەمئىيىتى» كونگو دەريا ئېغىزىنى بۆلۈشۈۋېلىش مەسىلىسىدە تالىشىپ قالغان. بىسمارك خەلقئارالىق يىغىن ئېچىشنى تەشەببۇس قىلغان، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە، بېلگىيە، پورتۇگالىيە، فرانسىيە، ئەگلىيە، ئامېرىكا، روسىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، دانىيە، نورۋىگىيە، شۋېتسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان. خەلقئارالىق كونگو جەمئىيىتىنىڭ كۆزەتكۈچىلىرىمۇ قاتناشقان. يىغىن بېلگىيە كورۇلى لېئوپولد Ⅱ نىڭ شەخسىي نامى بىلەن كونگو ئەركىن شتاتقا ئىگە بولۇشنى ئېتىراپ قىلغان، پورتۇگالىيە كابىندافتىن باشقا كونگو دەرياسى ئېغىزىنىڭ شىمالىي قىرغاقلىرىدىن ۋاز كەچكەن؛ سودا ئەركىنلىكى ۋە كونگو دەرياسىدا ئەركىن قاتناش جاكارلانغان؛ يىغىندا ماقۇللانغان كېلىشىمدە بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق بىر دۆلەت ئافرىقىدا يېڭى زېمىن كېڭەيمىچىلىكى يۈرگۈزمەكچى بولسا مەزكۇر توختامغا ئىمزا قويغان دۆلەتلەرگە ئۇقتۇرۇشى بەلگىلەنگەن. (3) «پوتىسدام يىغىنى»غا قاراڭ. 

بېرنادوت

  • بېرنادوت[يەشمىسى:]Jean Baptiste Jules Bernadotte، 1763 — 1844) فرانسىيە مارشالى، شۋېتسىيە ۋە نورۋېگىيە كورۇلى (1818 — 1844). پائۇ (Pau) شەھىرىدە ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 17 يېشىدا چاقىرىققا بىنائەن ئەسكەر بولغان.1790-يىلى فرانسىيە ئىنقى-لابىنى قەتئىي ھىمايە قىلغۇچىغا ئايلانغان. 1794-يىلى ھەربىي قەھرىمانلىقى ئۈچۈن برىگادىر بولغان. 1798-يىلى ۋېنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان.1799-يىلى 7-، 9-ئايلاردا قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. تۇمانلىق ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئارىلاشماسلىق پوزىتسىيىسىدە بولغان. ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە پارلامېنت ئەزاسى ۋە غەربىي يول ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. ناپولېئوننىڭ ھاكىمىيەت قارا نىيىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، جۇمھۇرىيەتچى ئوفىتسېرلار گۇرۇھىنىڭ سۇيىقەستىگە قاتناشتى دەپ گۇمان قىلىنغان. 1804 يىلى ئىمپېرىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن، سادىق بولۇش قەسىمى بېرىپ، مارشال بولۇپ، كورۇل سايلاشقا قاتنىشالايدىغان كىنەزلىك ھاننوۋېرنىڭ ھەربىي-مەمۇرىي باش ۋالىيسى بولغان. كۆپ قېتىم ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، زور ھەربىي خىزمەت كۆرسەتكەن. 1810-يىلى ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىنكى شۋېتسىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن تەخت ۋارىسى قىلىپ تاللىنىپ، ئىسمى چارلېس، جون دەپ ئۆزگەرتىلىپ، شۋېتسىيىنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىگەن. 1810 — 1812-يىللىرى ناپولېئوننىڭ بېسىمى ئارقىسىدا، كۆرۈنۈشتە ئەنگلىيە بىلەن ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرغاندەك قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. 1812 — 1813-يىللىرى، ئىلگىرى-كېيىن روسىيە، ئەنگلىيە ۋە پرۇسسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ھەمدە ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. ئارقىدىنلا دانىيىنى يېڭىپ، نورۋېگىيىنى تارتىۋالغان (1814). ناپولېئون بىرىنچى قېتىم تەختنى بوشاتقاندىن كېيىن، فرانسىيە كورۇلى ياكى دۆلەت ھامىيسى بولۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، قارشىلىققا ئۇچرىغان. 1814 — 1815-يىللىرىدىكى ۋېنا يىغىنلىرىدا، روسىيە ۋە ئەنگلىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدىلا، شۋېتسىيىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قالغان. 1818-يىلى شۋېتسىيە بىلەن نورۋېگىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، چارلېس، جون ⅩⅣ (Charles Johu ⅩⅣ) دەپ ئاتالغان. ستوكھولىمدا ۋاپات بولغان.

بېرنارد شاۋ

  • بېرنارد شاۋ[يەشمىسى:]Geogre Bernard Shaw،1856 — 1950) ئىرلاندىيە يازغۇچىسى، ئەدەبىي ئوبزورچىسى. بېرلىندا تۇغۇلغان. 1876-يىلى ئەنگلىيىگە كۆچۈپ بارغان. 1879-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. پۈتۈن ئۆمرىدە 50 نەچچە سەھنە ئەسىرى، بەش رومان ۋە باشقا ئەسەرلەرنى يازغان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، تارىخ، پەلسەپىۋى قائىدە، سىياسىي ۋەزىيەت قاتارلىقلارغا بېرىپ تاقىلىدۇ. 1884-يىلى فابىئان جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان، «فابىئان جەمئىيىتى خىتابنامىسى» نى يازغان، فابىئان سوتسىيالىزمى نەزەرىيىسىنى تەشۋىق قىلغان، ئىسلاھات، سىڭىپ كىرىش، تەدرىجىي ئىلگىرىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئەنگلىيە جەمئىيىتىنى ئۆزگەرتىپ «سوتسىيالىزمغا» كىرىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەمەلىيەتتە بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىقىنى تەشەببۇس قىلغان، لېكىن مەلۇم دەرىجىدە كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان ۋە تەنقىد قىلغان. 1925-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى ئىچىدە سەھنە ئەسىرىدىن: «ۋاللېن خانىمنىڭ كەسپى»، «كانتېتان»، «ئالۋاستىنىڭ شاگىرتلىرى»، «ئادەم ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئادەم»، «مايورباربارا»، «ھەقىقىي قىياپەتنىڭ ئاشكارىلىنىشى»؛ روماندىن: «ئىشتىن سىرتقى سوتسىيالىزمچىلار»، «نېگىر قىزنىڭ تىلاۋىتى» قاتارلىقلار؛ ئەدەبىي ئوبزور ئەسەرلىرىدىن: «ئىبسېنچىلىقنىڭ جەۋھىرى»، «سېپى ئۆزىدىن بولغان ۋاگنىرچىلار» قاتارلىقلار بار.

بېرنخارد كارلگرېن

  • بېرنخارد كارلگرېن[يەشمىسى:]Bernhard Karlgren، 1889 — 1978) شۋېتسىيىلىك خەنزۇشۇناس. يەنچېپىڭدا تۇغۇلغان. ئۇپسالا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1909 —1912-يىللىرى جۇڭگونىڭ سەنشى ئۆلكىسىدە يەرلىك دى-ئالېكت تەتقىقاتىنى ئېلىپ بارغان. 1912 — 1914-يىللىرى پارىژدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، فرانسىيە ئېقىمىدىكى خەنزۇشۇناسلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1918-يىلدىن تارتىپ گوتېنبورگ داشۆسىدە شەرقشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. 1929-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۇ مەكتەپتە مۇۋەققەت مەكتەپ مۇدىرى ۋە مۇدىر بولغان، كېيىن يەنە يىراق شەرق ئارخېئولوگىيە مۇزېيىنىڭ باشلىقى، شۋېتسىيە خان جەمەتى گۇمانىتارلىق پەنلەر شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي تەتقىقاتى جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى مەدەنىيەت، تارىخ، پەلسەپە ۋە ئارخېئولوگىيە، تىل قاتارلىق ساھەلىرىگە بېرىپ يەتكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى «جۇڭگو فونېتىكىسى تەتقىقاتى»، «جۇڭگو تىلى ۋە جۇڭگو يېزىقى»، «<خەنزۇ يېزىقى — ياپون يېزىقى> تەھلىل لۇغىتى»، «زاڭزۇ تىلى ۋە خەنزۇ تىلى»، «جۇڭگو-ياپونىيىدىكى خەنزۇچە يېزىقنىڭ شەكلى-تاۋۇشى ھەققىدە»، «خەنزۇ تىلى» قاتارلىقلار. شۇنىڭدەك «نەزمىنامە»، «دەستۇر» نى تەرجىمە قىلغان.

بېرنارد (كلائىرۋا)

  • بېرنارد (كلائىرۋا)[يەشمىسى:]Saint Bernard de Clairvaux، 1090 — 1153)فرانسىيە كاتولىك دىنى موناخى. بۈرگۈندتىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1115-يىلى ئۆزى قۇرۇپ چىققان كلائىرۋا (Clairraux، بۈرگۈند چېگرىسى ئىچىدە) موناستىرنىڭ باشلىقى بولغان. كاتولىك دىنىي ئەقىدىلىرىنى جاھىللىق بىلەن قوغداپ، ⅩⅡ ئەسىردىكى غەربىي ياۋروپا مىستېتسىزمنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. زاماندىشى، فرانسىيە پەيلاسوپى ئابېلارد(Abelard) ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ئارنالدو (برېسسىيە Brescia) بىلەن كەسكىن مۇنا- زىرىلەشكەن ھەمدە ئىككىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەرغىپ قىلغان ۋە قوزغىغان (1147 — 1149). 1174-يىلى چېركاۋ تەرىپىدىن «ئەۋلىيا» دېگەن ھۆرمەت نامىغا ئىگە بولغان.

بېرنىشتېيىن

  • بېرنىشتېيىن[يەشمىسى:]Eduard Bernstein، 1850 — 1932) گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئوڭچى كاتتىبېشى. رېۋىزىئونىزمغا ئاساس سالغۇچى. يەھۇدىي ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بانكىدا شاگىرت ۋە خىزمەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. دەسلەپ لىبېرالىزم ۋە لاسسالچىلىق ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1872-يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى (ئېيزناخچىلار)گە قاتناشقان. 1878-يىلى «سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن» ئېلان قىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، شۋېتسارىيىنىڭ سىيۇرىخ شەھىرىگە قېچىپ كەتكەن. 1879-يىلى ئاغمىچى ئۇنسۇر گۇشبېرگ، شىرامىم بىلەن بىرلىشىپ سىيۇرىخ ئۈچلەر ئۆمىكى تەشكىل قىلىپ، ئىسلاھاتچىلىق ۋە ئوڭچىل ئاغمىچىلىق ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلىپ، ماركس، ئېنگېلسنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. 1881-يىلدىن باشلاپ پارتىيىنىڭ مەخپىي ئورگان گېزىتى — «سوتسىيال دېموكراتلار» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. ئۇ 1888-يىلى گېزىتنىڭ تەھرىر بۆلۈمى بىلەن بىللە لوندونغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە ئىشچىلار بىرلەشمىچىلىرى ۋە فابىئانچىلىرى بىلەن قويۇق بېرىش-كېلىش قىلىپ تۇرغان. 1890-يىلى «سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن» بىكار قىلىنغاندىن كېيىن يەنە پارتىيە ئىچىدىكى ۋولمار قاتارلىق ئوڭچى ئۇنسۇرلارغا ماسلىشىپ، سىنىپىي مۇرەسسەچىلىكنى تەرغىپ قىلىپ، زورلۇق كۈچى ئىنقىلابىغا قارشى چىققان.1895-يىلى ئېنگېلس ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئوتتۇرىغا چىقىپ ماركسىزمنى بۇرمىلىغان. 1896 — 1898-يىللىرى كائوتىسكى تەھرىرلىكىدىكى «يېڭى دەۋر» ژۇرنىلىدا «سوتسىيالىزم مەسىلىسى» سەرلەۋھىلىك بىر يۈرۈش ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئوچۇقتىن-ئوچۇق ماركسىزمنىڭ «ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى» دەپ جار سېلىپ، ماركسىزمغا ئومۇميۈزلۈك «تۈزىتىش» كىرگۈزۈش دەۋاسىنى قوزغىغان. 1898-يىلى يازغان «گۇمران بولۇش نەزەرىيىسى ۋە مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى» ناملىق ماقالىسىدە: تۇنجى قېتىم: «ئاخىرقى مەقسەت ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، ھەرىكەتنىڭ ئۆزى ھەممە» دېگەن رېۋىزىئونىزملىق فورمۇلىنى كۆتۈرۈپ چىققان. 1899-يىلى يەنە «سوتسىيالىزمنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ۋەزىپىسى» ناملىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ رېۋىزىئونىزملىق نۇقتىئىنەزەرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلغان. پەلسەپە جەھەتتە دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمنى ئىنكار قىلىپ «كانىتقا قايتىش» نى ئوتتۇرىغا قويغان. سىياسىي ئىقتىساد جەھەتتە، ماركسنىڭ ئەمگەك قىممىتى تەلىماتى بىلەن قوشۇمچە قىممەت تەلىماتىغا قارشى تۇرۇپ، كاپىتالىزم ئىقتىسادىنىڭ «ماسلىشىشچانلىقى» نى تەرغىپ قىلغان. مونوپول تەشكىلاتلار كاپىتالىزم ئىقتىسادىي كرېزىسنى تۈگىتىدۇ دەپ ھېسابلىغان. سىياسىي جەھەتتە، ماركسنىڭ پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى توغرىسىدىكى تەلىماتىغا قارشى چىقىپ، سىنىپىي مۇرەسسەچىلىكنى ۋە «پارلامېنت يولى» بىلەن «سوتسىيالىزمغا تىنچ ئۈسۈپ كىرىش» نى تەرغىپ قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پارلامېنت ئەزاسى سالاھىيىتى بىلەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش سىياسىتىنى ئاشكارا قوللاپ، سوتسىيال شوۋىنىزمچىغا ئايلىنىپ كەتكەن. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلىبىسىدىن كېيىن، لېنىنىزمغا ۋە سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغان. 1918-يىلىدىكى گېرمانىيە نويابر ئىنقىلابىدىن كېيىن، سوتسىيال دېموكراتلار ئوڭچى كاتتىباشلىرى تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتە مالىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىلىكىگە تەيىنلىنىپ، گېرمانىيە پرولېتارىيات ئىنقىلابىنى تۇنجۇقتۇرۇپ تاشلاشتىكى قول چوماققا ئايلانغان.

بېرنىشتېينچىلىق

  • بېرنىشتېينچىلىق[يەشمىسى:]«رېۋىزىئونىزم»، «بېرنىشتېين» گە قاراڭ.

بېرن ئىنتېرناتسىئونالى

  • بېرن ئىنتېرناتسىئونالى[يەشمىسى:] سېرىق ئىنتېرناتسىئونال دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، يېڭىباشتىن قۇراشتۇرۇلغان «ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال». 1919-يىلى 2-ئايدا، ئەسلى «ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال» غا قاتناشقان 26 ئوڭ قانات سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن «بىتەرەپلەر» نىڭ ۋەكىللىرى شۋېتسارىيىنىڭ بېرندا چاقىرىلغان ۋەكىللەر يىغىنىدا، ئاللىبۇرۇن بەربات بولغان «ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال» نى ئەسلىگە كەلتۈرشۈنى بەلگىلىگەن. ئىككىنچى يىلى 7-ئايدا جەنۋەدە چاقىرىلغان تۇنجى قۇرۇلتىيىدا پروگرامما ۋە نىزامنامە ماقۇللانغان، ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە مەمۇرىي ئىشلار ئىدارىسىنى تەسىس قىلغان. ئۇ پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرۇپ، بۇرژۇئا دېموكراتىيىسىنى قوغدايدىغان، جاھانگىرلىكنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاق. لېنىن ئۇنى «سېرىق، ئاسىي، ئاينىغان ئىنتېرناتسىئونال» ، «ئەمەلىيەتتە خەلقئارا جاھانگىرگۇماشتىلىرىنىڭ تەشكىلاتى» دەپ كۆرسەتكەن» («لېنىن ئەسەرلىرى» خەنزۇچە نەشرى 29-توم، 457، 459-بەتلەر).1925-يىلى 5-ئايدا، بېرن ئىنتېرناتسىئونالى بىلەن «ئىككى يېرىمىنچى ئىنتېرناتسىئونال» بىرلىشىپ، نامىنى «سوتسىيال ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالى» غا ئۆزگەرتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئاساسەن يىمىرىلگەن.

بېرن يىغىنى

  • بېرن يىغىنى[يەشمىسى:]گېرمانىيە كومپارتىيىسىنىڭ فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش قوزغىشىنى توسۇش يولىدا چاقىرغان ۋەكىللەر يىغىنى. 1939-يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە شۋېتسارىيىنىڭ بېرندا ئېچىلغان. يىغىن مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «چوڭ گېرمانچىلىق» ۋە «نېمىس مىللىتىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى» شوئارى — ناتسىستلارنىڭ كېڭەيمىچىلىك، تاجاۋۇزچىلىق قىلىشىدىكى باھانىسى، «بېرلىن-رىم-توكيو ئوق مەركىزى» — تىنچلىق ۋە گېرمانىيە مىللىي مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئۇرۇش قىلىش ئىتتىپاقى، فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قوزغىشىنى توسۇش ھەربىر گېرمانىيىلىكنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. يىغىن فاشىستلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. فاشىزمغا قارشى بىرلىك سەپ قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن؛ فاشىستلار ئۆكتەملىك بىلەن ئۇرۇش قوزغىغاندىن كېيىن، بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ گىتلېر ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى قارار قىلغان ھەمدە يېڭى دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت كۈرەش پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان. 

بېرىنگېم

  • بېرىنگېم[يەشمىسى:]Ernst Bernheim، 1850 — 1942) گېرمانىيە تارىخشۇناسى. گامبۇرگدا تۇغۇلغان. 1883 — 1921-يىللىرى گرايۋوسۋالد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1889-يىلى «تارىخشۇناسلىق مېتودولوگىيىسى» ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئوبيېكتى ۋە ۋەزىپىلىرى، تارىخشۇناسلىق مېتودى، تارىخ ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، تارىخنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە يېزىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى بايان قىلىپ بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە خېلى كۆپ ئىجادىي قاراشلار بولۇپ، تارىخشۇناسلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. تاكى ھازىرغىچە تارىخشۇناسلىق مېتودولوگىيىسىنىڭ باشلامچىسى دەپ قارالماقتا. بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى بار.

بېرىيە

  • بېرىيە[يەشمىسى:] Лаврентий Павлович Берия، 1899 — 1953) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ بىرىنچى مۇئۋاىن رەئىسى، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان (1953-يىلى). گرۇزىيىلىك، دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باكۇ ماشىنىسازلىق مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1917-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) گە كىرگەن. 1919-يىلى تېخنىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1921-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن ئەزەربەيجان ئەكسىيەتچىلەرنى تازىلاش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، گرۇزىيە، سىرتقى كاپكاز دۆلەتلىك قوغداش ئىدارىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1931-يىلدىن باشلاپ گرۇزىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى، جەنۇبىي كاپكاز چېگرا رايونى پارتكوم سېكرىتارى، بىرىنچى سېكرىتارى بولغان، 1934-يىلى سوۋېت كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1938-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق ھەيئەت ئەزاسى بولغان. 1941-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1945-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن سوۋېت كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزاسى، مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1953-يىل 3-ئايدا ستالىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن مىنىستىرلەر سوۋېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. شۇ يىلى ئىيۇندا پارتىيىدىن چىقىرىلىپ، ھۆكۈمەتتىكى ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلانغان. دىكابردا ئېتىلغان. 

بېزانت خانىم

  • بېزانت خانىم[يەشمىسى:] «بېسانت خانىم»غا قاراڭ.

بېسابېس ئىتتىپاقى

  • بېسابېس ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] ئالبانىيە مىللىي ھەرىكىتىدىكى بىرلەشمە تەشكىلات. «بېسا بېس» — «قەسەميات» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 1899-يىلى 1-ئايدا پېيا (Peja) شەھىرىدە قۇرۇلغان، شۇڭا پېيا ئىتتىپاقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە ۋەتەنپەرۋەرلەر بىلەن فېئوداللار تەرەپدارلىرى بار. ۋەتەنپەرۋەرلەر تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قوراللىق قارشى تۇرۇپ، ئاپتونومىيىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، فېئوداللار تەرەپدارلىرى بولسا يۈزەكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشكە قارشى تۇرغان. ئىتتىپاققا سابىق پرىزرېن ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ۋەتەنپەرۋەر ھاجى موللا زېكا (Haxhi Mulla Zeka) رەئىس بولۇپ سايلانغان. ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ئىتتىپاق، ئالبانىيىنىڭ ئاپتونومىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. 1900-يىلى ئەتىيازدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن. 

بېسارابىيە

  • بېسارابىيە[يەشمىسى:]Besarabia)تارىخىي يەر نامى. قارا دېڭىزنىڭ غەربىي شىمال قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، دنېستر دەرياسى بىلەن پرۇت دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدۇ. قەدىمكى زاماندا رىم ئىمپېرىيىسى داكىيە ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. Ⅹ ئەسىردىن Ⅺ ئەسىرگىچە كېۋسكايارۇس (Киевскаярусь) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. ⅪⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مولدوۋا كىنەزلىككە قارىغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مولدوۋا كىنەزلىكى بىلەن بىللە ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە قوشۇۋېلىنغان. 1806—1812 -يىللىرىدىكى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1812-يىلى ئىمزالانغان «بۇخارېست سۈلھ شەرتنامىسى» گە ئاساسەن، روسىيە قوشۇۋالغان. 1918-يىلى رومىنىيىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن. 1920-يىلى ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە ئىمزالىغان پارىژ كېلىشىمنامىسى رومىنىيىنىڭ بۇ رايونغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، 1940-يىلى 6-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشغال قىلغان ھەمدە شۇ يىلى 8-ئايدا بېسارابىيەنىڭ زور قىسمى بىلەن مولداۋىيە ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتىنى قوشۇپ، مولداۋىيە ئىتتىپاق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، بېسارابىيىنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىنى ئوكرائىناغا قوشۇۋەتكەن. 

بېسانت خانىم

  • بېسانت خانىم[يەشمىسى:]Annie Besant، 1847 — 1933) ئەنگلىيە ھۈرىيەتپەرۋەر مۇتەپەككۇرى، يازغۇچىسى. لوندوندا تۇغۇلغان. فابىئان جەمئىيىتى ئەزاسى. 1893-يىلى ھىندىستانغا بېرىپ، تېئوسوفىيە جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىپ، 1907-يىلى بۇ جەمئىيەتنىڭ رەھبىرىگە ئايلانغان. 1898-يىلى بەنارەس (ھازىرقى ۋاراناسى) تا ئوتتۇرا ھىندىستان ئىنستىتۇتىنى قۇرغان. 1913-يىلى خەلق كونگرېس پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، ئىدىيىدە بارا-بارا رادىكاللىشىپ، ئۆزى نەشىر قىلغان «يېڭى ھىندىستان گېزىتى» دە ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشنى تەشۋىق قىلغان. 1916-يىلى ھىندىستان ئاپتونومىيە ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ چىققان. 1917-يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان. شۇ يىلى ھىندىستان ئاياللار جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ رەئىسى بولغان. 1926 — 1927-يىللىرى ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىنى ساياھەت قىلغان. «تەرجىمىھالىم»، «تۆت چوڭ دىن»، «ھىندىستاندا دىن مەسىلىسى»، «ھىندىستان، قۇللۇق ياكى ئەركىنلىك» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

بېقىندى

  • بېقىندى[يەشمىسى:] سۇيۇرغالغا ئىگە بولغۇچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى» گە قاراڭ.

بېقىنىش مۇراسىمى

  • بېقىنىش مۇراسىمى[يەشمىسى:]ئىنگلىزچە homage، فرانسۇزچە hommage. ئىتائەت قىلىش مۇراسىمى، سالام بېرىش مۇراسىمى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. لاتىنچە homo دىن كېلىپ چىققان بولۇپ، «ئادەم» دېگەن مەنىدە. ئوتتۇرا ئەسىردە غەربىي ياۋروپادىكى سۇيۇرغالغا ئىگە بولغۇچى (بېقىندى) لار سۇيۇرغالنى قوبۇل قىلىدىغان چاغدا ئۆتكۈزىدىغان بىر خىل مۇراسىم. سۇيۇرغالغا ئىگە بولغۇچى سۇيۇرغال تارتۇق قىلغۇچى (زېمىندار) نىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئىككى قولىنى ئۇنىڭ ئالىقىنىغا قويۇپ، «پېقىر ئۆز ئىگەمنىڭ مالىيى، سۇيۇرغالغا ئىگە بولغان بېقىندىسى. پېقىر ئىگەمگە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سادىق بولىمەن، ھايات-ماماتىمغا قارىماستىن ئىگەمنىڭ خىزمىتىدە بولىمەن» دەپ قەسەم بېرىدۇ. سۇيۇرغال تارتۇق قىلغۇچى بولسا بىر سىقىم توپا بىلەن بىر تال دەرەخ شېخىنى سۇيۇرغالغا ئىگە بولغۇچىغا بېرىپ، سۇيۇرغال يەر ۋە ئۇ يەردىكى دەل-دەرەخكە سىمۋول قىلىدۇ.

بېكارىيا

  • بېكارىيا[يەشمىسى:]Cesara Beekaria، 1738 — 1794) ئىتالىيىلىك مەرىپەتپەرۋەر، قانۇنشۇناس، ئىقتىسادشۇناس، ماركىز، مىلاندا تۇغۇلغان. مىلاندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى مىلاندىكى ئىتالىيە مەرىپەتچى ئالىملار گۇرۇپپىسىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان. ئەڭ ئاۋۋال مەملىكەت ئىچىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە قارشى تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1764-يىلى ئۆزىنىڭ «جىنايەت ۋە جازا توغرىسىدا» ناملىق كىتابىنى ئېلان قىلغان. ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئەقىلنى جىنايى ھەرىكەتنى ئۆلچەشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، جازا بېرىش جەمئىيەتنى قوغداپ قېلىشنىڭ ۋاسىتىسى دەپ قاراپ، ھەددىدىن زىيادە قاتتىق ۋە قىساس ئېلىش خاراكتېرىدىكى جازا ئۇسۇلىغا قارشى چىققان. دەۋا-دەستۇر داۋامىدا زالىملىق قىلىشقا قارشى تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ بۇ كىتابى ياۋروپادا غايەت زور تەسىر قوزغاپ، فرانسىيە قامۇسچىلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە، فىزىئوكراتلار (يېزا ئىگىلىك ئەلاچىلىقى تەرەپدارلىرى) نىڭ ئىدىيىسىنى قوللاپ كەلگەن. 1771-يىلى مىلان ئالىي ئىقتىسادىي كومىتېتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 

بېككېر

  • بېككېر[يەشمىسى:]1) يوھان فىلىپ بېككېر (Johann Philipp Becker، 1809 — 1886) گېرمانىيە ۋە خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەربابى. ماركس ۋە ئېنگېلسنىڭ سەپدىشى. چوتكا ئىشچىسى بولغان. 1830-يىلى ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، كېيىن شۋېتسارىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1848 — 1849-يىللاردىكى گېرمانىيە ئىنقىلابىغا ئاكتىپ قاتناشقان. 1849-يىلى 5-ئايدا، ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى قوغداش كۈرىشىدە بادېن قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىنقىلابىي ھەربىي تالانتىنى نامايان قىلغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، ماركس، ئېنگېلسنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، دېموكراتىزمچىدىن سوتسىيالىزمچىغا ئايلانغان. 1864-يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، شۋېتسارىيىدە بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال نېمىس ياچېيكىسىنىڭ ئورگان گېزىتى — «خەۋەرچى گېزىتى» نىڭ تەھرىرى بولغان. خەلقئارادا، ھەر خىل ئاغدۇرمىچىلىقلارغا قارشى كۈرەشتە، باشتىن-ئاخىر ماركس، ئېنگېلسنىڭ ئىنقىلابىي لۇشيەنىنى ھىمايە قىلغان. «قانداق ئىشلەش ۋە قاچان ئىشلەش كېرەك؟» دېگەن ئەسىرى بار. (2) كارل لوتۇس بېككېر (Carl Lotus Becker، 1873 — 1945) ئامېرىكا تارىخشۇناسى. 1896-يىلى ۋىسكونىسىن (Bnckohcnh) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات باكالاۋر ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1898 — 1899-يىللىرى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئۆگەنگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن پېنسلۋانىيە شتاتى ئىنستىتۇتى ۋە داتېمېس ئىنستىتۇتىدا تارىختىن دەرس ئۆتكەن. 1902-يىلى كانزاس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، 1908-يىلى پروفېسسور بولغان. 1917 — 1941-يىللىرى كوننېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، مۇشۇ مەكتەپنىڭ پەخرىي پروفېسسورى بولغان. ئامېرىكا تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان، تارىخ نىسپىيچىلىكىنى تەشەببۇس قىلغان، ھازىرقى زامان تارىخ ئىلمىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئەسەرلىرى بەكمۇ كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقلىرىدىن «ئامېرىكا خەلقىنىڭ باشلىنىشى»، «يېقىنقى زامان تارىخى»، «ⅩⅧ ئەسىر پەيلاسوپلىرىنىڭ جەننىتى»، «تەرەققىيپەرۋەرلىك ۋە ھوقۇق» قاتارلىقلار بار. 

بېكوروفت

  • بېكوروفت[يەشمىسى:]John Beecroft، 1779 — 1854) ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىسى، ئېكسپېدىتسىيىچى. 1829-يىلى ئەنگلىيىنىڭ ئافرىقىدىكى ۋاقىتلىق دېڭىز ئارمىيە بازىسى فېرناندو ئارىلىنىڭ ئەمەلدارى بولغان. 1834-يىلى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن، «سودىگەر» دېگەن نام ئاستىدا، 40 مىڭغا يېقىن «ئەركىن» نېگىرقۇلنى باشقۇرغان، نېگىرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى نېگىر دەرياسى قاتارلىق بىرنەچچە دەريا ۋە غەربىي ئافرىقىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىنى تەكشۈرۈپ، كۆپلىگەن ماتېرىيالغا ئىگە بولغان. 1843-يىلى ئىسپانىيە بۇ ئارالنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىسپانىيە تەرىپىدىن بۇ ئارالنىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن ھەمدە ئەنگلىيىنىڭ غەيرىي ھۆكۈمەت تەرەپ كونسۇلى بولغان. 1849 — 1854-يىللىرى بېنىن قولتۇقى رايونىنىڭ كونسۇلى بولغان مەزگىلدە، قۇل سودىسىغا قارشى تۇرۇش نامى بىلەن، شۇ جاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، داھومىيە، لاگوس قاتارلىقلارنى ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان. 

بېكىر گلېبېن ۋەقەسى

  • بېكىر گلېبېن ۋەقەسى[يەشمىسى:] تۈركىيىنىڭ ئالبانىيە ئارقىلىق سېربىيە ۋە گرېتسىيىنىڭ ئارقا سېپىگە ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسى. ئىككىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1913-يىل كۈزدە، تۈركىيە ۋە بۇلغارىيە ئالبانىيە ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزۈپ، ئالبانىيە تۈركىيە بىلەن بۇلغارىيىنىڭ ئۆزىنىڭ بىتەرەپلىكىدىن پايدىلىنىپ، قوشۇنلىرىنى ئالبانىيە زېمىنىدىن ئۆتكۈزۈپ، سېربىيە ۋە گرېتسىيىنىڭ ئارقا سېپىگە كىرگۈزۈشكە قوشۇلغان؛ تۈركىيە بىلەن بۇلغارىيە ئالبانىيىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن ھەق-بەدەل سۈپىتىدە، كوسوۋو (Kosovo) نى قايتۇرۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىشكە قوشۇلغان. ئۇزاق ئۆتمەي بېكىرگلېبېن قوماندانلىقىدىكى ئالبانىيىچە كېيىنگەن تۈركىيە قوشۇنلىرى ۋلورا (Влора ياكى Влёра) دېڭىزىنىڭ بويىدا قۇرۇقلۇققا چىققان. لېكىن خەلقئارا تەپتىش كومىتېتى سېزىپ قېلىپ، ئەسكەرلەرنى ماكېدونىيىگە ئېلىپ بارغان. بېكىر گلېبېن قولغا ئېلىنغان، قولغا چۈشۈرۈلگەن ھۈججەتلەردىن ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى كامال (Ismail Qemali) بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى سېزىلگەن. لېكىن كېلىشىم ئاشكارىلانمىغان. 1914-يىلى 6-ئايدا كامال ھۆكۈمىتى ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن خەلقئارالىق تەپتىش كومىتېتى ئالبانىيە دۆلەت ھوقۇقىنى قولغا ئېلىۋالغان.

بېگرام

  • بېگرام[يەشمىسى:]Begram)قەدىمكى كۇشان (Kushan) خاندانلىقى پايتەختىنىڭ خارابىسى. ئافغانىستان كابۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىن 60 كىلومېتر يىراقلىقتىكى ئويمانلىقتا بولۇپ، قەدىمكى باكتىرىيىدىن تاكشاسىلا (Takshaila) غا بارىدىغان قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان. 1937-يىلىدىن باشلاپ قېزىلغان. سېپىل ئىچىگە ئېلىنغان تىك تۆت تەرەپلىك شەھەر رايونىدا قەۋەتمۇ قەۋەت كۆمۈلۈپ قالغان ئۈچ دەۋرگە ئائىت قۇرۇلۇشلار بايقالغان، شەھەر سىرتىدىمۇ ئولتۇراق جايلار خارابىلىرى تېپىلغان. شەھەر سېپىلىغا بىر دەرۋازا ئورنىتىلغان بولۇپ، دەرۋازىدىن شىمالغا قاراپ تۈپتۈز چوڭ يول ئېلىنغان. چوڭ يولنىڭ شەرقىدىكى 10 ، 13-ئۆيلەردىن جۇڭگو، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردىن ئېلىپ كېلىنگەن كۆپلىگەن يادىكارلىقلار تېپىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھىندىستاننىڭ پىل چىشى ئويمىلىرى، جۇڭگو خەن دەۋرىنىڭ سىرلانغان ئەسۋابلىرى، يۇنانچە سىڭىر تاشتىن ئىشلەنگەن يۇمىلاق تاختايلار، سۈرىيىنىڭ مىس بۇيۇملىرى، رىمنىڭ ئەينەك قاچىلىرى قاتارلىقلار بار. چوڭ يولنىڭ غەربىدىنمۇ كۆپلىگەن پۇللار تېپىلغان، بۇلار بۇ شەھەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە يىلنامىسىنى تەتقىق قىلىشقا مۇھىم ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بەرگەن. قېزىلغان ماتېرىياللارغا ئاساسەن، بەزىلەر قابېس دۆلىتىنىڭ پايتەختى دەپ ھېسابلىماقتا. 

بېل

  • بېل[يەشمىسى:]Alexander Graham Bell، 1847 — 1922) ئامېرىكىلىق، تېلېفوننى كەشپ قىلغۇچى. ئەنگلىيىنىڭ ئېدىنبۇرگ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئاۋاز ئىلمىنى مۇھاكىمە قىلغان. 1868 — 1870-يىللىرى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا فىزىئولوگىيىلىك ئاناتومىيە ئوقۇغان. 1871-يىلى كاناداغا كۆچۈپ بارغان، كېيىن ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1872-يىلى بوستۇندا گاس-گاچىلار مەكتىپىنى ئېچىپ، گاسلارنى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياراتقان. 1873— 1877-يىللىرى بوستون ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىئولوگىيە پروفېسسورى بولغان مەزگىلىدە، توك ئېقىمىدىن پايدىلىنىپ ئاۋاز يەتكۈزۈش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1876-يىل 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، تېلېفون ئاپپاراتىنى سىناق قىلىپ ياساپ چىققان، ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ئىككىنچى يىلى بوستوندىن نيۇ-يوركقىچە بولغان 300 نەچچە كىلومېترلىق ئۇزۇن مۇساپىدە تېلېفون ئارقىلىق سۆزلىشىشنى يولغا قويغان ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا ئاكوستىكا مېخانىزمى توغرىسىدىكى كەشپىياتلارنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقارغان. كېيىن بېل تېلېفون شىركىتى قۇرۇلغان. 1896 — 1904-يىللىرى دۆلەتلىك جۇغراپىيە جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 

بېلسارىئوس

  • بېلسارىئوس[يەشمىسى:]Belisarius، تەخمىنەن 505 — 565) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى سەركەردىسى. پادىشاھ يوستىنىئانۇس (Justinianus) قا مۇھاپىزەتچى بولغان. مىلادى 532-يىلى كونستانتىنوپولدىكى نىكا قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. مىلادى 533 — 534-يىللىرى لەشكەر تارتىپ چىقىپ، شىمالىي ئافرىقىدىكى ۋانداللار پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ، كېيىن ئىتالىيىگە يۆتكىلىپ، مىلادى 534 — 540-يىللىرى شەرقىي گوتلارنى يېڭىپ، سىتسىلىيە ۋە ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى، جۈملىدىن شەرقىي گوت پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى راۋېننا (Raroenna) (540) نى ئىشغال قىلغان. مىلادى 541 — 542-يىللىرى پېرسىيە پادىشاھى خوسراۋⅠ (KhosrowⅠ)گە قارشى ئۇرۇش قىلغان. مىلادى 544 — 548-يىللىرى يەنە بىر قېتىم شەرقىي گوت پادىشاھلىقىغا يۈرۈش قىلىپ، كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، تۆھپە يارىتالمىغانلىقتىن، چاقىرىپ كېلىنىپ، نارسېس (Narses) ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن. مىلادى 559-يىلى كونستانتىنوپول شەھىرىگە يېقىنلاپ كەلگەن بۇلغارىيىلىكلەرنى مەغلۇپ قىلغان. مىلادى 526-يىلى يوستىنىئانۇسقا قارشى سۇيىقەستكە قاتناشتى دەپ ئەيىبلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان. كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ،لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي دەرد-ئەلەم بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. 

بېلگالار

  • بېلگالار[يەشمىسى:]Belgae) قەدىمكى گاللىيە (ھازىرقى فرانسىيە، بېلگىيە ئەتراپى) نىڭ شىمالىدىكى ئاھالە. ئومۇمەن، شەرقىي ۋە شىمالىي رېين دەرياسى (تۆۋەن ئېقىمى) غا تۇتىشىدىغان، جەنۇبىي سېكۇئانا دەرياسى (Sequana، ھازىرقى سېنا دەرياسى) بىلەن ماترونا دەرياسى (Matrona، ھازىرقى مانا دەرياسى) بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونلارغا تارقالغان. كائېسار (Caesar) نىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، بېلگالار گېرمانلار بىلەن مەنبەداش باتۇر، ئۇرۇشقا ماھىر ئىكەن؛ گاللىيىنىڭ يېرى مۇنبەت بولغانلىقتىن، ئۇلار خېلى بۇرۇنلا رېين دەرياسىنىڭ ئۇ قىرغىقىدىن كۆچۈپ كەلگەنىكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كائېسار گاللىيىگە يۈرۈش قىلغاندا، بېلگالار قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن بويسۇندۇرۇلغان. بېلگالار يەنە بىرمۇنچە تارماققا بۆلۈنگەن بولۇپ، بۇلار رېمى (Remi) لار، سۇئېسسىئونېس (Suessiones) لار، مورىنى (Morini) لار، بېلوۋىكى (Bellovaci) لار قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بىر بۆلەك بېلگالار دېڭىز بوغىزىدىن ئۆتۈپ، برىتانىيىنىڭ جەنۇبىغا كىرگەن. 

بېلگراد پاشا رايونى

  • بېلگراد پاشا رايونى[يەشمىسى:]ⅩⅧ ئەسىردىكى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ مەمۇرىي رايونى. دوناي دەرياسى بىلەن ساۋا دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى سېربىيە زېمىنىغا جايلاشقان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سېربىيە مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنىڭ مەركىزى بولغان. 1804 — 1813-يىللىرى تۈركىيىگە قارشى مىللىي قوزغىلاڭ ھەممىدىن ئاۋۋال مۇشۇ يەردە پارتلاپ، مۇستەقىل سېربىيە دۆلىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ بازىسى بولۇپ قالغان. 

بېلگراد سۈلھ كېلىشىمى

  • بېلگراد سۈلھ كېلىشىمى[يەشمىسى:] ئاۋسترىيە بىلەن تۈركىيە ئىمزالىغان سۈلھ كېلىشىم. 1737 — 1739-يىللىرى روسىيە-ئاۋسترىيە ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيىگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا ئاۋسترىيە يېڭىلىپ، 1739-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى تۈركىيە بىلەن بېلگرادتا سۈلھ كېلىشىم تۈزگەن. كېلىشىمگە ئاساسەن، ئاۋسترىيە 1718-يىلىدىكى «پوزارېۋاس سۈلھ كېلىشىمى» دە قولغا كەلتۈرۈۋالغان كۆپ قىسىم ھوقۇق-مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىپ، سېربىيە (بېلگرادمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)، ۋالاخىيىنىڭ غەربىي ۋە بوسنىيىنىڭ شىمالىنى تۈركىيىگە بۆلۈپ بەرگەن ھەمدە ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. 

بېلگراد قان تۆكۈلمىگەن سىياسىي ئۆزگىرىشى

  • بېلگراد قان تۆكۈلمىگەن سىياسىي ئۆزگىرىشى[يەشمىسى:]1941-يىلى يۇگوسلاۋىيىدىكى نېمىسپەرەس ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش سىياسىي ئۆزگىرىشى. 1941-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقى ھۆكۈمىتى زۇڭلىسى سۋېتكوۋىچ (Dragisa Cvetkovic) بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىنسار-ماركۇۋىچ (Cincar Markovic) ۋېنادا يۇگوسلاۋىيىنىڭ گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيىنىڭ «ئۈچ دۆلەت ئەھدىنامىسى» غا قاتنىشىش توغرىسىدىكى كېلىشىمنامىگە ئىمزا قويۇلغان. بۇ خەۋەر مەملىكەت ئىچىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە ۋەتەن ساتقۇچ ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇش ئاممىۋى ھەرىكىتى قوزغالغان. 26-، 27-كۈنلىرى يۇگوسلاۋىيىنىڭ گېرمانىيە تەرەپ بولۇپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرىدىغان ئوفىتسېرلار گۇرۇھى، مىللەتچىلەر پارتىيىسى ۋە ئاممىنىڭ قوللىشى بىلەن، بېلگرادتا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، سۋېتكوۋىچ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مۇۋەققەت خىزمەت ۋەزىپىسىنى بىكار قىلىپ، نېمىسپەرەس ئەمەلدارلارنى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىغان؛ پېتېرⅡ(PeterⅡ Karageorgevic، 0791 _ 3291) نىڭ ياش-قۇرامىغا يەتكەنلىكى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغانلىقى جاكارلىنىپ، گېنېرال س-ىموۋىچ (Dusan Simovic، 2691 _ 2881) باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىنغان. 3-ئاينىڭ 28-كۈنى يېڭى ھۆكۈمەت بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلايدىغانلىقى ۋە ئۇرۇشتا بىتەرەپلىككە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

بېلگىيىنىڭ 1830-يىل ئىنقىلابى

  • بېلگىيىنىڭ 1830-يىل ئىنقىلابى[يەشمىسى:] بېلگىيىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابى. 1814 — 1815-يىلىدىكى ۋېنا يىغىنى بېلگىيىنى گوللاندىيىگە بۆلۈپ بېرىشنى قارار قىلغان. 1830-يىلى، فرانسىيە ئىيۇل ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن، بريۇسسېلدا ئىنقىلاب پارتلاپ، بېلگىيىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ، لېئوپولد (Leopold) دېگەن يېڭى كورۇلنى تىكلىگەن، 1831-يىلى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن جاكارلىغان. 1839-يىلى بېلگىيە گوللاندىيە بىلەن شەرتنامە تۈزۈپ، مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ھەمدە ئەنگلىيە، فرانسىيە، پرۇسسىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇزنىڭ مەڭگۈلۈك بىتەرەپ ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بولغان. 

بېللامى

  • بېللامى[يەشمىسى:]Edward Bellamy، 1850 — 1898) ئامېرىكا يازغۇچىسى. ماسسا چۈسېت شتاتىدا تۇغۇلغان. بىرلەشمە ئىنستىتۇتتا ئوقۇغان. 1868 — 1869-يىللىرى گېرمانىيىگە بېرىپ ساياھەت ۋە ئۆگىنىش قىلىپ، چوڭ شەھەرلەردىكى نامراتلارنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىدىن چوڭقۇر تەسىر ئالغان. ۋەتىنىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن مەخسۇس قانۇن ئوقۇپ، ئادۋوكات بولغان. نيۇ-يورك «كەچلىك پوچتا گېزىتى» دە مۇخبىر، تەھرىر بولغان. 1880-يىلى ئىنىسى بىلەن بىللە «كۈندىلىك خەۋەرلەر» نى نەشىر قىلدۇرغان. 1888-يىلى نەشىر قىلدۇرغان ئوتوپىيىچە خىيالىي رومان «ئەسلەش» ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدا خۇسۇسىي كارخانا يوقىتىلغان. ئۇرۇش، نامراتلىق، جىنايەت ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەر تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇلغان غايىۋى جەمئىيەت سۈرەتلەنگەن. 1891-يىلىدىن باشلاپ «يېڭى دۆلەت» ناملىق ھەپتىلىك ژۇرنالنى نەشىر قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن يەنە «باراۋەرلىك» قاتارلىقلار بار. 

بېللو

  • بېللو[يەشمىسى:]Andres Bello، 1781— 1865) ۋېنسۇئېلالىق تىلشۇناس، شائىر، قانۇنشۇناس، مائارىپشۇناس. كاراكاستا تۇغۇلغان. دەسلىپىدە ئۇنىۋېرسىتېتتا پەلسەپە، قانۇن، تىبابەتچىلىكنى ئۆگىنىپ، مەشھۇر گېرمانىيە ئالىمى ھۇنبولىد (Alexander Von Hunboldt) بىلەن تونۇشقان، 1810-يىلى بولىۋار (Simon Bolivar) بىلەن بىللە لوندونغا ئەلچى بولۇپ بارغان، كېيىن چىلى، كولۇمبىيە ئەلچىخانىلىرىنىڭ كاتىپى سۈپىتىدە ئۇزاققىچە ئەنگلىيىدە تۇرغان. لوندوندىكى مەزگىلىدە «ئامېرىكا قىتئەسى مەجمۇئەسى» ۋە «ئامېرىكا قىتئەسى توپلاملىرى» دېگەن ژۇرناللارنى چىقارغان. 1929-يىلى چىلىنىڭ سانتياگو دېگەن شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان ھەمدە چىلىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىدە خىزمەت قىلغان. 1842-يىلى سانتياگو ئىنستىتۇتى ۋە چىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە چىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆمۈرلۈك مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەڭ قەدىمكى «چىلى ھەق-تەلەپ قانۇنى» ۋە «خەلقئارالىق قانۇن قائىدىلىرى» قاتارلىق قانۇنشۇناسلىق ئەسەرلىرىنى تۈزۈپ چىققان ھەمدە «كاستىلو تىلى گرامماتىكىسى»، «كاستىلو تىلىنى توغرا ئوقۇش ئۇسۇلى ۋە ۋەزىن ئىلمىي قائىدىلىرى» قاتارلىق تىلشۇناسلىق ئەسەرلىرىنى يازغان، يەنە پسىخولوگىيە ۋە لوگىكىغا ئائىت ئەسەرلەردىن «ئالەم تەزكىرىسى ياكى ئالەمنى ئەڭ يېڭى كەشپىياتلار ئارقىلىق سۈرەتلەش»، «ئەقىل پەلسەپىسى» قاتارلىقلارنى يازغان. ئەدەبىيات ئىجادىيىتىدە شېئىرلار توپلىمى «ئامېرىكا قىتئەسى شىلۋاسى»، مەشھۇر ناخشىلاردىن «شېئىر بىلەن سۆھبەت»، «ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدىكى دېھقانچىلىق تېخنىكىلىرىغا» قاتارلىقلارنىمۇ يازغان. 

بېلىقچىلىق-ئوۋچىلىق ئىگىلىكى

  • بېلىقچىلىق-ئوۋچىلىق ئىگىلىكى[يەشمىسى:] «ئوۋچىلىق ئىگىلىكى» گە قاراڭ.

بېلىنسكىي

  • بېلىنسكىي[يەشمىسى:]Виссарион Григорьевич Беленский، 1811 — 1848) روسىيە ئىنقىلابىي دېموكراتى، ئەدەبىي تەنقىدچىسى، ماتېرىيالىستىك پەيلاسوپ. ھەربىي دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1829-يىلى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. يانچىلىق تۈزۈمىگە قارشى دراما «دىمىتىرى كالىنىن» نى يازغانلىقى ئۈچۈن، 1832-يىلى مەكتەپتىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1833-يىلىدىن باشلاپ «دۇربۇن»، «مۇلاھىزە» قاتارلىق ژۇرناللارغا ماقالە يېزىپ تۇرغان. 1834-يىلى «ئەدەبىيات فانتازىيىسى» ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنى غۇلغۇلىغا سالغان. 1838 — 1846-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «موسكۋا كۆزەتكۈچىسى»، «ۋەتەن خاتىرىلىرى»، «دەۋر كىشىلىرى» قاتارلىق ژۇرناللاردا تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 40-يىللارنىڭ باشلىرىدا روسىيە ۋە غەربىي ياۋروپا ئەكسىيەتچىل ئىدىيىلىرىگە قارشى كۈرەش داۋامىدا مەرىپەتچىلىكتىن ئىنقىلابىي دېموكراتىزمغا، گېگېل ئىدېئالىزمىدىن ماتېرىيالىزمغا بۇرالغان. ئېستېتىكا جەھەتتە سەنئەت — رېئاللىقنىڭ گەۋدىلىنىشى، ھەقىقىي سەنئەت تۇرمۇشتىكى توغرا نىشاننى كىشىلەرگە كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك، دەپ ھېسابلىغان. ئۇ، پۈتۈن ئۆمرىدە ئەدەبىي تەنقىدنى قورال قىلىپ، يانچىلىق تۈزۈمى، مۇستەبىت تۈزۈم ۋە چېركاۋغا رەھىمسىزلىك بىلەن ھۇجۇم قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «گوگۇلغا خەت»، «پۇشكىن ئەسەرلىرى توغرىسىدا»، «1846-يىلىدىكى روسىيە ئەدەبىياتىغا نەزەر»، «1847-يىلىدىكى روسىيە ئەدەبىياتىغا نەزەر» قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەسەرلىرى توپلىمى نەشر قىلىنغان. 

بېمىس

  • بېمىس[يەشمىسى:]Samuel Flagg Bemis، 1891 — 1973) ئامېرىكا تارىخچىسى. ياش ۋاقتىدا كىلارك داشۆسىدە ئوقۇغان. 1915-يىلى خارۋارد داشۆسىنىڭ ئەدەبىيات ماگىستېرى، ئىككىنچى يىلى پەلسەپە دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. كېيىن ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرگە بېرىپ ئوقۇغان. 1917-يىلىدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1924-يىلدىن باشلاپ ۋاشىنگتون داشۆسىدە تارىخ پروفېسسورى بولغان. 1935-يىلى يېل داشۆسىدە دىپلوماتىيە تارىخى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن. 1937 — 1938-يىللىرى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلىگەن. 1927-، 1950-يىللىرى ئىككى نۆۋەت پولىتزېر مۇكاپاتى ئالغان. ئامېرىكا دىپلوماتىيە تارىخىي جەھەتتىكى نوپۇز ئىگىسى دەپ تونۇلغان. ئەسەرلىرى: «جېئېي شەرتنامىسى»،«بېننىك شەرتنامىسى»، «جون، كۇنىسى، ئادامىس ۋە ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئاساسى»، «ئامېرىكا دىپلوماتىيە تارىخى»، «ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا قاراتقان سىياسىتى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

بېناۋېنتې

  • بېناۋېنتې[يەشمىسى:]Jacinto Benaventy Martinez، 1866 — 1954) ئىسپانىيە دراماتورگى. مادرىد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1885 — 1892-يىللىرى ئارىلىقىدا فرانسىيە، ئەنگلىيە، روسىيە ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى كەڭ ساياھەت قىلغان. چەت ئەلنىڭ تەسىرىنى چوڭقۇر قوبۇل قىلىپ، «1898-يىللار» دىكى ئەدەبىيات ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىك شەخسلىرىدىن بولۇپ قالغان. ئەسەرلىرىنىڭ سۆزى گۈزەل، پسىخىكىلىق تەھلىلى چوڭقۇر بولۇپ، پاش قىلىش ۋە مەسخىرە قىلىش بىلەن نام چىقارغان. 1922-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «شەنبىلىك كەچ»، «پايدا-زىيان ئىتتىپاقى»، «قىزغىنلىق گۈلى» قاتارلىق درامىسى ۋە بالىلار درامىسى، ھەجۋىي ئەخلاق درامىسى ۋە شېئىرلىرىدىن بولۇپ 100 نەچچە خىلى بار. 

بېناۋىدېس

  • بېناۋىدېس[يەشمىسى:]Manuel Dominguez Benavides، 1895 — 1947) ئىسپانىيە يازغۇچىسى، پۇئېنتېرېياستا تۇغۇلغان. فاشىستلارغا قارشى ھەرىكەتكە قاتناشقان. چەت ئەلگە قېچىپ كېتىپ داۋاملىق كۈرەش قىلغان. 1946-يىلى كومپارتىيىگە كىرگەن. ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ چىرىكلىكى تەنقىد قىلىنىپ، ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ياۋۇز قىلمىشلىرى ئېچىپ تاشلانغان، ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «شىكايەت»، «ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر دېڭىز قاراقچىسى»، «ئىنقىلاب قانداق مەيدانغا كەلگەن»، «يېڭى ھۆكۈما»، «مەن بەشىنچى پولكنىڭ ئادىمى» قاتارلىقلار بار. 

بېنتام

  • بېنتام[يەشمىسى:]Jeremy Bentham، 1748 — 1832) ئەنگلىيىلىك پەيلاسوپ، قانۇنشۇناس، سىياسىي ئوبزورچى. مەنپەئەتپەرەسلىك نەزەرىيىسىنىڭ ياراتقۇچىسى. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇنشۇناسلىق ئوقۇپ، ئادۋوكاتلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئاساسلىقى ئەخلاقشۇناسلىق ۋە سىياسىي قانۇن تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تەتقىق قىلغان. ئۇ ئىجتىمائىي ھەرىكەتنىڭ تۈپ پرىنسىپى «ئەڭ زور كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى» نى قولغا كەلتۈرۈش بولۇشى كېرەك دەپ قارىغان. لېكىن ئۇ يەنە «شەخسنىڭ مەنپەئىتى بىردىنبىر رېئال مەنپەئەتتۇر، «جەمئىيەت مەنپەئىتى بولسا بىر خىل ئابستراكتلىق بولۇپ، شەخس مەنپەئەتنىڭ يىغىندىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ قارىغان. ئۇ مەنپەئەتچىلىكنىڭ ئۆزى ئەخلاق ئۆلچىمىدۇر؛ بۇرژۇئاغا پايدىلىق بولغان ھەرىكەتلەر پۈتكۈل جەمئىيەتكىمۇ پايدىلىقتۇر، دەپ قارىغان. ئىقتىسادشۇناسلىق تەلىماتى جەھەتتە مەيلىگە قويۇۋېتىشچىلىقنى تەشەببۇس قىلغان. پەلسەپە جەھەتتە ئۇ ئادەتتىكى ئۇقۇملارنىڭ ھەممىسى ساختا دەپ قارىغان. بۇ خىل قاراش كېيىنگە بېرىپ سىماسىئولوگىيە ئېقىمىدىكىلەرنىڭ نەزەرىيىۋى مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بېنتامنىڭ «ئەخلاق ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش پرىنسىپلىرى»، «جازالاش ۋە مۇكاپاتلاش پرىنسىپلىرى»، «دېئونتولوگىيە ياكى ئەخلاق بىلىمى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

بېنتىنك

  • بېنتىنك[يەشمىسى:]William Cavendish Bentinck، 1774 — 1839) ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىسى، ھىندىستاننىڭ باش ۋالىيسى (1833 — 1835). 1803 — 1807-يىللىرى مادراس ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى بولغان. كېيىن ئىسپانىيە ۋە سىتسىلىيە ئارىلىغا ئەۋەتىلگەن. سىتسىلىيە پادىشاھىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن. 1815-يىلى ئىتالىيىدىن چاقىرتىۋېلىنغان. 1828 — 1833-يىللىرى بېنگالنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. ھىندىستاننىڭ باش ۋالىيسى بولغان مەزگىلىدە ئۇرۇش سىياسىتىنى تىنچلىق بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئۆزگەرتكەن، بومباي ۋە مادراستىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باشقۇرۇش رايونى باشلىقىنىڭ مۇستەقىل ھالدا قانۇن تۈزۈپ ئېلان قىلىش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلىغان؛ باج كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، گومرۇك-ئۆتكەللەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئەپيۇن سودىسىنى كەڭ يولغا قويغان؛ مائاش-كىرىمى تۆۋەن بولغان ھىندىستانلىق ئەمەلدارلارنى يۇقىرى مەنسەپلەرگە تەيىنلەشكە يول قويغان؛ تۇل خوتۇنلارنىڭ ئوتتا ئۆلۈۋېلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلغان؛ قاراقچىلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرغان؛ ياۋروپا مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مەكتەپ ئاچقان، 1835-يىلى كالكوتتادا ھىندىستاندىكى تۇنجى مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىنى قۇرغان. ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن. 

بېنگالنى ئۆلكىلەرگە ئايرىش پەرمانى

  • بېنگالنى ئۆلكىلەرگە ئايرىش پەرمانى[يەشمىسى:] 1905-يىلى 10-ئايدا ھىندىستاننىڭ باش ۋالىيسى، ئەنگلىيىلىك كورزوننىڭ ئاھالىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى بويىچە بېنگالنى ئىككى ئۆلكىگە ئايرىش توغرىسىدا چىقارغان پەرمانى. ئاساسىي مەزمۇنى: بېنگالنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى 15 ناھىيىنى شىمالىي بېنگال ۋە ئاسسام شتاتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «شەرقىي بېنگال ۋە ئاسسام ئۆلكىسى» قىلىش، ئاھالىسى 31 مىليون بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار كۆپچىلىكنى ئىگىلەيتتى؛ غەربىي بېنگالدىكى ناھىيىلەر بىخار، ئورىزالارنى بىرلەشتۈرۈپ يەنىلا بېنگال ئۆلكىسى دەپ ئاتاش، ئاھالىسى تەخمىنەن 40 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، ھىندى مۇرىتلىرى كۆپ ساننى ئىگىلەيتتى. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ بېنگالنى مۇنداق بۆلۈشتىكى غەرىزى بېنگالنى «بۆلۈپ ئىدارە قىلىش» ئارقىلىق دىنىي ئۆچمەنلىك قوزغاپ، بېنگال مىللىي ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشتىن ئىبارەت. بۇ قانۇن بېنگال خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغاپ، 1905-يىلىدىكى ئەنگلىيىگە قارشى كەڭ-كۆلەملىك كۈرەشنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان. 1911-يىلى ئەنگلىيە-ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ قانۇننى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 

بېنكوۋىسكى

  • بېنكوۋىسكى[يەشمىسى:]Георги Бенковский، 1844 — 1876) يەنە بىر ئىسمى گاۋرېل خلىتېۋ (Гаврпл хльiтёв)بۇلغارىيىلىك ئىنقىلابىي دېموكراتىزمچى. قول سانائەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىك ئاسىيا، مىسىر قاتارلىق جايلاردا سودىگەرچىلىك قىلغان. ⅪⅩ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ بېشىدا ۋالاخىيىدىكى بۇلغارىيىلىك مۇھاجىرلار پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغان. 1876-يىلى 4-ئايدا تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش قوزغىلىڭىدا پاناگيۇرىشت (Панагюришт) شەھىرىنى ئازاد قىلىشقا رەھبەرلىك قىلغان. «ئۇچقۇر تارماق ئەترەت» ناملىق ئاتلىق ئەسكەرلەر تارماق ئەترىتى تەشكىل قىلغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلارنى باشلاپ بالقان تاغلىق رايونىغا چېكىنگەن. يېرىم يولدا تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ بۆكتۈرمىسىگە ئۇچراپ ھالاك بولغان. 

بېنېدىكتۇس

  • بېنېدىكتۇس[يەشمىسى:]Benedictus، تەخمىنەن 480 — 550-يىللار). ئىتالىيىلىك موناخ. بېنېدىكتۇس جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. «بېنېدىكتۇس جەمئىيىتى» گە قاراڭ.

بېنېدىكتۇس جەمئىيىتى

  • بېنېدىكتۇس جەمئىيىتى[يەشمىسى:]كاتولىك دىنىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى روھانىي جەمئىيەتلىرىنىڭ بىرى. ئىتالىيىلىك موناخ بېنېدىكتۇس قۇرغان. تەخمىنەن مىلادى 529-يىلى، بېنېدىكتۇس رىم شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كاسسىنو (Cassino) تېغىدا بىر مۇناستىر ياساتقان ھەمدە بىر يۈرۈش قائىدە-نىزام تۈزۈپ چىقىپ، جەمئىيەت ئەزالىرىدىن قانائەتچان، ئىتائەتچان بولۇشنى، ھەر كۈنى يەتتە قېتىم تىلاۋەت قىلىش، يىل بويى جىسمانىي ۋە ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشنى تەلەپ قىلغان. كېيىن بېنېدىكتۇس جەمئىيىتى ھەرقايسى جايلاردا كۆپلىگەن يەر-زېمىن مۈلكىگە ئىگە بولۇپ، ئۆزىگە قاراشلىق يانچىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغان. Ⅹ ئەسىردىن Ⅺ ئەسىرگىچە ناھايىتى كۈچەيگەن. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ فرانكسكو جەمئىيىتى ۋە دومىنگو جەمئىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاجىزلىشىشقا باشلىغان. بىر تۈركۈم مۇئەييەن تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە بولغان قەدىمكى كىتاب قول يازمىلىرىنى ساقلاپ ۋە رەتلەپ نەشىر قىلغان. 1909-يىلى جۇڭگوغا تارقالغان.

بېنېس

  • بېنېس[يەشمىسى:]Eduard Benes، 1884 — 1948). چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى (1935 — 1938، 1946 — 1948). نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پراگا ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە ئوقۇغان. كېيىن يەنە پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى، پارىژ سىياسىي ئىنستىتۇتى ۋە دىجون ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1922-يىلى پراگا ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ماسارىك (Masaryk)بىلەن بىللە، چېخلارنىڭ دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1915-يىلى مىللىي كومىتېت باش كاتىپى بولغان. 1918 — 1935-يىللىرى چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان، ئارىلىقتا 1920—1921-يىللىرى زۇڭلى بولغان. غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى تەكىتلەپ، «كىچىك ئانتانتا دۆلەتلەر» نى قۇرۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1923- ۋە 1925-يىللىرى ئىككى قېتىم دۆلەتلەر بىرلەشمىسى ھەيئەتلەر يىغىنىنىڭ ھەيئىتى بولغان. 1935-يىلى ماسارىكتىن كېيىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1938-يىلى ئەنگلىيە، فرانسىيىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، «ميۇنخېن كېلىشىمى» نى قوبۇل قىلغان، كېيىن ئىستېپا بېرىپ، چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن. 1940-يىلى لوندوندا چېخ بۇرژۇئا مۇساپىر ھۆكۈمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1943-يىلى موسكۋاغا بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوستلۇق-ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالىغان. ئازاد بولغاندىن كېيىن، 1946-يىلى 6-ئايدا زۇڭتۇڭ بولغان. 1948-يىلى 2-ئايدا، بۇرژۇئازىيە پىلانلىغان فېۋرال ۋەقەسىگە قاتناشقان. سۇيىقەست بەربات بولغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 6-ئايدا تەختتىن چۈشكەن. «گېرمانىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيە»، «ئۇرۇش دەۋرىدىن خاتىرىلەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

بېنىن پادىشاھلىقى

  • بېنىن پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ئۇنىڭ تارىخىنى مىلادى Ⅸ ئەسىرگىچە سۈرۈشتە قىلغىلى بولىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 31 پادىشاھ ئۆتكەندىن كېيىن، 1170-يىلى ئېفې (Efe) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلىپ، دەسلەپكى پادىشاھلىقنى قۇرغان. مىس ئويمىچىلىق سەنئىتى بىلەن مەشھۇر. ئىمپېراتور ئېۋارې (Eware) تەختتىكى مەزگىل (تەخمىنەن 1440 — 1473) دە ئومۇميۈزلۈك گۈللەنگەن. گۋىنېيە قولتۇقى رايونىدا پىل چىشى، قارىمۇچ، رەخت ۋە مېتال بۇيۇملارنى ئىشلەپ چىقىرىش ھەمدە قۇل سودىسى قىلىشنىڭ مەركىزى بولغان. ⅪⅤ ئەسىردە ئىسىگىئې (Isigie) تەختتىكى مەزگىل (تەخمىنەن 1504 — 1550) دە، زېمىنى داۋاملىق كېڭىيىپ، لاگوستىن نېگىر دەرياسى دېلتىسىغىچە بولغان كەڭ رايوننى كونترول قىلغان. كېيىن قۇل ئوۋلاش ئۇرۇشلىرى ۋە ئويو (Oyo) پادىشاھلىقىنىڭ گۈللىنىشى بىلەن، بارا-بارا ئاجىزلىشىپ كەتكەن. 1897-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 

بېنيىنفاڭ سۈلۈكى

  • بېنيىنفاڭ سۈلۈكى[يەشمىسى:]ئەسلىدە ياپونىيىنىڭ قورشاۋ شاھمات ساھەسىدىكى بىر مەزھەپ باشلىقىنى بىلدۈرەتتى. ھازىر قورشاۋ شاھمات مۇسابىقىسىدە ئۇتۇپ چىققۇچىنىڭ بىر خىل نامى بولۇپ قالغان.راھىب رىخەي(1558— 1628) پايتەختتىكى جىڭۋاڭ بۇتخانا مۇنارىسىدىكى بىرىنچى بېنيىنفاڭدا تۇرغىنىدا، قورشاۋ شاھماتقا ماھىر بولغان. تويوتومى ھىدويوشى مەزگىلىدە شاھماتچىلار خانىنى قۇرۇشقا قاتناشقان؛ كېيىن توكۇگاۋا شوگناتىنىڭ شاھماتخانىسىدا خىزمەتچى بولغان. ئىسمىنى خونىن بۇسان ماساگوغا ئۆزگەرتىپ، بىرىنچى ئەۋلاد بېنيىنفاڭ بولۇپ قالغان. كېيىنچە قورشاۋ شاھمات ماھىرلىرى ۋارىسلىق قىلغان. 21-ئەۋلاد ھىدى توشى (1874 — 1940) مەزگىلىدە بۇ نام ياپونىيە شاھماتچىلار ئورنىغا ھاۋالە قىلىنغان، 1939-يىلىدىن ئېتىبارەن ئاخباراتچىلىق ئورنى قورشاۋ شاھمات مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋارىسلىق قىلغۇچىنى بېكىتكەندە، بىرىنچى باسقۇچتا سەكىياماتوشىسېننى بېكىتكەن. ئۇ ھازىرغىچە ياپونىيە قورشاۋ شاھمات ساھەسىدە شەرەپ نامىنىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا. 

بېھانزىن

  • بېھانزىن[يەشمىسى:]Behanzin، 1844 — 1906) داھۇمىيە (ھازىرقى بېنن) پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (1889 — 1893). فرانسىيىگە قارشى كۈرەشنىڭ يولباشچىسى. فرانسىيىگە بېرىپ ئوقۇغان. 1889-يىلى پادىشاھ بولغان. 1890-يىلى قوشۇن باشلاپ فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرغان. 10-ئايدا ۋىتو سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالاپ، فرانسىيىنىڭ پورتونۇدىكى ھامىيلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىپ، كوتونۇنى فرانسىيىگە بۆلۈپ بەرگەن. 1892-يىلى ئۇرۇش قايتا پارتلاپ، پايتەخت ئاپومىې شەھىرىدىن چېكىنىپ چىقىپ، فرانسىيىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1893-يىلى ئۇنىڭ ئىنىسى فرانسىيىگە تەسلىم بولۇپ، پادىشاھلىق تەختىگە چىقىۋالغان. 1894-يىلى ئەسىرگە چۈشۈپ مارتىنىك ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن ئالجىرىيىدە ئۆلگەن. 

بېئوتىيە

  • بېئوتىيە[يەشمىسى:]Boeotia) قەدىمكى يۇناننىڭ بىر رايونى. جەنۇبىي پارنېس ۋە ئاتتىكا (ئافىنا) بىلەن شىمالىي روكرىس ۋە فوش بىلەن چېگرىداش. غەربىدە ھىلىكون (Helicon) تېغى بار، تاغنىڭ نېرىسىدا كورىنت قولتۇقى، شەرقىي تەرىپى يوبۇيە دېڭىزى ۋە يوبۇيە ئارىلى بىلەن بېقىشىپ تۇرىدۇ. قەدىمكى ئاھالىلەردىن ئائونېسلار (Aones) لېلېگىسلار (Leleges) بار. كېيىن ئائۇللىلار كۆچۈپ كەلگەن. جەنۇبتىكى ئاسوپۇ (Asopus) دەريا ۋادىسى، شىمالىدىكى كوپەي (Copais) كۆلىنىڭ غەربىي تەرەپلىرى تېرىلغۇ قىلىشقا مۇۋاپىق. جەنۇب تەرىپىدە تېبېس، پىلاتې ۋە تاناگرا (Tanagra)قاتارلىق ئاساسلىق شەھەرلەر بار؛ شىمال تەرىپىدە ئوركومېنو (Orchomenus)، كايرونېيە قاتارلىق مۇھىم شەھەرلەر بار. تېبېس شەھىرىنىڭ ئەتراپى بۇرۇنقى مىكېناي دەۋرىدىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان. مىلادىدىن 447 يىل ئىلگىرى تېبېس باشچىلىقىدىكى ئون تۆت شەھەر ئىتتىپاقى قۇرۇلغان؛ ئىتتىپاق ھەر يىلى باشلىق سايلاپ تۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە تېبېس شەھىرىدىن ئىككى ئادەم، باشقا شەھەرلەرنىڭ ھەر بىرىدىن بىر ئادەم (ئىتتىپاققا كىرگەن شەھەر ھەمدە باشلىقلارنىڭ سانى ئۆزگىرىپ تۇرغان) سايلانغان. يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشىدا پېرسىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى پلاتې شەھىرىدىن ئەۋەتىلگەن مىڭ كىشىلىك قوشۇن مارافون جېڭىگە قاتناشقان. ئافىنا زومىگەرلىك سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكتىن، پېلوپوننېس ئۇرۇشىدا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلى) تېبېس شەھىرى سپارتالىقلارغا ياردەم بەرگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن يەنە سپارتالىقلارنىڭ زومىگەرلىكىگە قارشى تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تېبېس شەھىرى سپارتالىقلارنى ئارقىمۇ ئارقا مەغلۇپ قىلغان (مىلادىدىن ئىلگىرى 371 — 362) ۋە بىراقلا يۇناندىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. كېيىن ئافىنا قاتارلىق ئىتتىپاقداش شەھەرلەر بىلەن بىرلىشىپ، شىمالدىكى ماكېدونىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان. مىلادىدىن 338 يىل ئىلگىرى كايرونېيە (بېئوتىيىنىڭ شىمالىي تەرىپى) جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ، ماكېدونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى پۈتكۈل يۇنان جۈملىدىن بېئوتىيىمۇ رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تەۋەلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. 

بېۋان

  • بېۋان[يەشمىسى:]Aneurin Bevan، 1897 —1960) ئەنگلىيە لېيبورىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى. ۋېلىستا تۇغۇلغان. كۆمۈركان ئىشچىلىقىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1919 — 1921-يىللىرى مەركىزىي ئەمگەك شۆيۈەنىدە سىياسەت ۋە ئىقتىساد ئۆگەنگەن. 1929 — 1960-يىلىغىچە تۆۋەن پالاتادا لېيبورىستلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1934 — 1935-يىللىرى لېيبورىستلار پارتىيىسىنىڭ سول قانات گېزىتى «ئەپكار گېزىتى» دە باش تەھرىرلىك قىلغان. 1945 — 1951-يىللىرى لېيبورىستلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت ئۈستىدە بولغان مەزگىلىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سەھىيە، ئەمگەك ۋە مىللىي ھەربىي خىزمەت ۋەزىرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن. كېيىن فېدېراتىپ گېرمانىيىنى قايتىدىن قوراللاندۇرۇش ۋە جامائەت پاراۋانلىق فوندىنى كېمەيتىشكە قارشى تۇرۇپ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1956-يىلى لېيبورىستلار پارتىيىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ خەزىنىسىنى باشقۇرغان. «بېۋان تەرجىمىھالى» دېگەن ئەسىرى بار. 

بېۋېرىدگې

  • بېۋېرىدگې[يەشمىسى:]Albert Jeremiah Beveridge، 1862 — 1927) ئامېرىكا تارىخشۇناسى. 1885-يىلى دېپ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1898-يىلدىن بۇرۇن ئادۋوكات بولغان. 1899-يىلى كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى بولۇپ، بەس-مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق نام چىقارغان. زۇڭتۇڭ تېئودور. روزۋېلت (Theodore Roosevelt) نىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى قوللاپ، كۆپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان. سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئاساسلىق ئەسەرلەردىن تۆت توملۇق «جون. مارشاللنىڭ ھاياتى»، «لىنكولىننىڭ تەرجىمىھالى» نى يېزىپ، ھايات ۋاقتىدا بۇ ئەسەرنىڭ پەقەت ئىككى تومىنى تاماملىغان، تارىخىي ماتېرىياللىرى تەپسىلىي، ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىك بولغانلىقتىن، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بۇلاردىن باشقا «روسىيىنىڭ تەرەققىياتى»، «دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پەردە ئارقىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

بېۋىن

  • بېۋىن[يەشمىسى:]Ernest Bevin، 1881 — 1951) ئەنگلىيە لېيبورىستلار پارتىيىسى ۋەئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىرىدىن بىرى. ياش ۋاقتىدا پرىستان ئىشچىسى بولغان. 1909-يىلدىن كېيىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1922-يىلى تارقاق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىتتىپاقىدىن 32 نى بىرلەشتۈرۈپ ترانسپورت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى قىلىپ قۇرۇپ چىققان. 1936 — 1937-يىللىرى مەملىكەتلىك ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولغان. 1940—1945-يىللىرى چېرچىلل (Churchill) ئۇرۇش مەزگىلى بىرلەشمە كابىنېتىنىڭ ئەمگەك ئىش-ھەققى ۋەزىرى بولغان. 1945 — 1951-يىللىرى ئاتلې (Clement Ricard Attlee) ليېبورىستلار پارتىيىسى كابىنېتى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاتتىق سىياسەت قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ۋە باشقا ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي گۇرۇھلىرىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان. 

بېي

  • بېي[يەشمىسى:] تۈركچە Bag، Biy، Bey، Beg نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئاقسۆڭەك ياكى شىرەم شاھزادىلەرنىڭ ھۆرمەت نامى بولۇپ، مەرتىۋە جەھەتتە خان ياكى پادىشاھتىن كېيىن تۇرىدۇ، ئادەتتە، ئىسىمنىڭ ئارقىسىغا كېلىدۇ. كېيىن ھەرقانداق ھۆكۈمراننى كۆرسىتىپ، ئىسلام دىنىي دۆلەتلىرىدە كەڭ قوللىنىلغان. 1705-يىلى بېگ سۆزى دېي «Dey» سۆزىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ، تۇنىس ھۆكۈمرانلىرىنىڭ نامى بولۇپ قالغان. 1934-يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى رەسمىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ باي (Bay) دېگەن سۆزگە ئۆزگەرتىپ، ئىسمىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئادەتتىكى ھۆرمەت نامى قىلىپ ئىشلىتىدىغان بولغان، «ئەپەندى» دېگەن سۆزگە توغرا كېلىدۇ.

بېيبۇ قولتۇقى ۋەقەسى

  • بېيبۇ قولتۇقى ۋەقەسى[يەشمىسى:]ئامېرىكىنىڭ ھىندىچىنى ئۇرۇشىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن قەستەن پەيدا قىلغان سۇيىقەستلىك ۋەقەسى. بېيبۇ قولتۇقى ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە جۇڭگونىڭ لېيجۇ يېرىم ئارىلى بىلەن خەينەن ئارىلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. 1964-يىل 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكىنىڭ «مادوكس» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز تەۋەسىگە بېسىپ كىرىپ، ئىغۋاگەرچىلىك قىلغاندا چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دېڭىز ئارمىيىمىز «ئىغۋاگەرچىلىك» كە ئۇچرىدى دەپ، 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۆز پاراخوتلىرىنىڭ بېيبۇ قولتۇقىدا داۋاملىق تۈردە چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ۋە توپلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىغان. 8-ئاينىڭ 4-كۈنى كېچىدە، يەنە ئامېرىكا پاراخوتىنىڭ 2-قېتىم ۋيېتنامنىڭ مىنا كاتېرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ۋەقەسىنى يەنى «بېيبۇ قولتۇقى ۋەقەسى»نى پەيدا قىلغان. 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى جونسون مۇشۇ ئىشنى باھانە قىلىپ، ئۆكتەملىك بىلەن ئايروپىلان ئەۋەتىپ، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىئان، خونگاي، تانخۇا رايونلىرىنى بومباردىمان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى ۋېيتنامنىڭ شىمالىغا كېڭەيتكەن.

بىئافرا ئۇرۇشى

  • بىئافرا ئۇرۇشى[يەشمىسى:] نېگىرىيە ئىچكى ئۇرۇشى. بىئافرا (Biafra) ئەسلىدە نېگىرىيىنىڭ شەرقىي رايونى بولۇپ، بۇ يەرنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى مول، ئاھالىسى، ئاساسەن، ئىبو (Iob ياكى Ⅰgbo)مىللىتى، 1967-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى، شەرقىي رايوندىكى ئىبولار ئوفىتسېرلىرى نېگىرىيە فېدېراتىپىدىن ئايرىلىپ، «بىئافرا جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرغانلىقىنى جاكارلاپ، خائۇسالار (Hausa ) كونتروللۇقىدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغان. 7-ئايدا گوۋون(Gowon) باشچىلىقىدىكى فېدېراتىپ ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، 10-ئايدا، «بىئافرا جۇمھۇرىيىتى» نىڭ پايتەختىنى ئىگىلەپ، 1968-يىلى شەرقتىكى كۆپ قىسىم رايونلارنى تىزگىنلىگەن. 1970-يىلى بىئافرا قوشۇنى تەسلىم بولۇپ، نېگىرىيە يېڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن.

بىئاك-نا-باتو شەرتنامىسى

  • بىئاك-نا-باتو شەرتنامىسى[يەشمىسى:]Biak na Bato) «بۈكىدنون شەرتنامىسى»غا قاراڭ.

بىتەرەپچىلىك

  • بىتەرەپچىلىك[يەشمىسى:] ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال مەزگىلىدە، كائۇتىسكىنى ئاساسلىق ۋەكىل قىلغان بىر خىل يوشۇرۇن ئاغمىچىلىق، ئىككى يۈزلىمە ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزلىرىنى سولچىلار بىلەن ئوڭچىلار ئوتتۇرىسىدىكى «بىتەرەپ» لىك مەيداندا تۇرۇۋاتىمىز، دەپ ماختىنىپ، پارتىيىنىڭ «بىرلىكى» ۋە «تىنچلىق»نى ساقلاشنى تەلەپ قىلىشقان، ئەمەلىيەتتە بولسا سولچىلارنى ئىنقىلابىي پرىنسىپلاردىن ۋاز كەچتۈرۈپ، ئاغمىچىلارغا تەسلىم قىلىپ بەرمەكچى بولغان. «كائۇتىسكىزم»غا قاراڭ.

بىجېركنېس

  • بىجېركنېس[يەشمىسى:]Vilhelm Bjerknes، 1862 — 1951) نورۋېگىيە فىزىكا مېتېئورولوگى. 1892-يىلى كرستىئانىيە (ھازىرقى ئوسلو، Oslo) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. پارىژ ۋە بونىنغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان. 1895 — 1907-يىللىرى ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان. 1907 — 1912-يىللىرى ئوسلو ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان. 1912-يىلدىن كېيىن لېيپسېگ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، لېيپسېگ فىزىكا تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە ئۇنىڭ باشلىقى بولغان. 1917-يىلى تەكلىپكە بىنائەن، بېرگېن (Bergen)ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، بېرگېن ھاۋا رايى كۆزىتىش ئورنىنى قۇرغان. 1926 — 1932-يىللىرى يەنە ئوسلو ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان. دىنامىكىلىق مېتېئورولوگىيە ۋە ھاۋا رايى ئىلمىي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئايلىنىش تېئورېمىسىنى تېپىپ، فرونت يۈزى ۋە ھاۋا قاينىمى تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاتموسفېرانىڭ ئايلىنىشى ۋە ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش جەھەتلەردە تۆھپە قوشقان. «مەيدان ۋە كۈچ»، «دىنامىكىلىق مېتېئورولوگىيە ۋە سۇ رايى جۇغراپىيىسى»، «ھالقىسىمان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ ئاتموسفېرا قاينىمى ۋە ئاتموسفېرا دولقۇنىدا ئىشلىتىلىشى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

بىخەۋەرلەر پارتىيىسى

  • بىخەۋەرلەر پارتىيىسى[يەشمىسى:] ئامېرىكىلىقلار پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1849-يىلى نيۇ-يوركتا قۇرۇلغان ئامېرىكا تار مىللەتچىلەر پارتىيىسى. ئۇ دەسلەپتە «ئا ق ش بايرىقى تەشكىلاتى ئۆمىكى»بولۇپ، 1854-يىلغا بارغاندا تەرەققىي قىلىپ مەملىكەت خاراكتېرلىك تەشكىلاتقا ئايلانغان. بۇ تەشكىلاتقا قاتناشقۇچىلار تەشكىلاتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا، تەشكىلات ئەھۋالى سۈرۈشتۈرۈلگەندە ھېچنېمىنى بىلمەيمەن دەپ جاۋاب بېرىشكە قەسەم بېرىشى شەرت قىلىنغاچقا، بىخەۋەرلەر پارتىيىسى دەپ ئاتالغان. مەزكۇر پارتىيە چەت ئەل كۆچمەنلىرىنى چەتكە قاقىدۇ، كاتولىك دىنىغا قارشى تۇرىدۇ. چەت ئەلدە تۇغۇلغانلارنى ۋە كاتولىك مۇرىتلىرىنى جامائەت خىزمىتىنى ئۆتەشكە تەيىنلىمەسلىك؛ ئامېرىكا تەۋەلىكىگە كىرمەكچى بولغانلار 21 يىللىق خىزمەت سىنىقىدىن ئۆتكەن بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. 50-يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئامېرىكىدا قۇللۇق تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىش ياكى بىكار قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى كۈرەشنىڭ كەسكىنلىشىشى بىلەن، مەزكۇر پارتىيە بارا-بارا پارچىلىنىپ كەتكەن. 1860-يىلى ئاز قىسىمدىكىلىرى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ۋىگ پارتىيىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ ئاساسىي قانۇنلۇق ئىتتىپاق پارتىيىسى بولۇپ تەشكىللەنگەن.

بىدئەتچىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى

  • بىدئەتچىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى[يەشمىسى:] «دىنىي ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى»، «دىنىي سوت» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. رىم كاتولىك چېركاۋلىرى تەسىس قىلغان، بىدئەتچىلىك ئۈستىدىن رازۋېتكا ۋە ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئورگان. پاپا ئىننوسېن Ⅲ تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە (1198 — 1216) دەسلەپتە فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئالىبېچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان. پاپا گېرېگورىي Ⅸ تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە (1227 — 1241) رەسمىي بەرپا قىلىنغان. بۇنىڭغا دومىنكو جەمئىيىتى موناخلىرى بىلەن ئاز سانلىق فرانسېسكو جەمئىيىتى موناخلىرى رىياسەتچىلىك قىلغان. فرانسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق كاتولىك دىنىدىكى دۆلەتلەرگە تارقالغان. ئۇ، چېركاۋغا قارشى، فېئوداللىققا قارشى بارچە بىدئەتچىلىك ۋە بىدئەتچىلىك ئىدىيىسىدىكى كىشىلەر ياكى ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلغانلارنى باشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. پاپاغا بىۋاسىتە قارىغان، دەھرىي دائىرىلىرى بىلەن يەرلىك دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان، ئۇنىڭ سودىيىلىرى جىسمانىي جەھەتتىن دەخلى-تەرۇزسىز بولغان. سوراق مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان ۋە قاتتىق قىيناش بىلەن مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرغان. جاۋابكار ئەگەر گۇناھىغا توۋا قىلسا ئۇلارنى قاماققا ھۆكۈم قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىۋالغان؛ گۇناھىغا توۋا قىلمىغانلارنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، دەھرىي دائىرىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن، بۇنىڭغا «قان چىقارماي جازالاش» دەپ ئات قويۇلغان. ⅩⅣ ئەسىردىن كېيىن، غەربىي ياۋروپادىكى مۇنارخىيىلىك ھوقۇقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ ھوقۇق دەھرىي دائىرىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1480-يىلى ئىسپانىيىدە قۇرۇلغان بىدئەتچىلىك ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى مۇستەبىت مونارخىيىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىشتىكى قورالغا ئايلىنىپ، پائالىيىتى ئىنتايىن غالجىرلاشقان، يالغۇز بىدئەتچىلەرنى باستۇرۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئەرەبلەر بىلەن يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلغان. 1483 — 1498-يىللىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار 100 مىڭ كىشىگە يەتكەن. ⅩⅥئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى، پاپا رىمدا بىدئەتچىلىك ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ئالىي ئورگىنىنى تەسىس قىلغان. ⅩⅧ ئەسىرگە كەلگەندە، غەربىي ياۋروپادىكى كۆپ سانلىق دۆلەتلەردە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. پورتۇگالىيە بىلەن ئىسپانىيىدىمۇ ⅩⅨ ئەسىردە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1908-يىلى پاپا پىئۇس Ⅹ (PiusⅩ، 1903—1914-يىللىرى تەختتە تۇرغان)، رىم بىدئەتچىلىك ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ئالىي ئورنىنى «مۇقەددەس ۋەزىپە ئۆتەش ئورنى» غا ئۆزگەرتكەن، ئاساسەن، كىتاب-ژۇرناللارنى تەكشۈرۈش،مەنئى قىلىنىدىغان كىتابلارنىڭ كاتالوگىنى ئېلان قىلىش، دىنىي مۇخلىسلىرىنى دىندىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە روھانىي خىزمەتچىلەرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قاتارلىق فۇنكسىيىلەرنى ئويناپ كەلگەن.

بىدئەتچىلىك

  • بىدئەتچىلىك[يەشمىسى:]1) كۇپپارلىق دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. ئوتتۇرا ئەسىردە خرىستىئان دىنىنىڭ باشقا دىنلارنى كەمسىتىپ ئاتىشى. (2) خرىستىئان دىنىدىكى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان گۇرۇھلارنىڭ غەيرىي گۇرۇھلارنى كەمسىتىپ ئاتىشى. بۇلاردىن مۇھىملىرى: مىلادى Ⅶ ئەسىردە بارلىققا كەلگەن كىچىك ئاسىيادىكى پائولچىلار، Ⅹ ئەسىردىن تارتىپ بالقان يېرىم ئارىلىدا ئەۋج ئالغان بوگۇمېلچىلار. ⅩⅢ —ⅩⅡ ئەسىرلەردە غەربىي ياۋروپادا تارقالغان ۋالدوسچىلار ۋە پاكلار تەرەپدارلىرى (بۇ ئىككى مەزھەپ فرانسىيىدە بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئالىبېچىلار دەپ ئاتىلىدۇ) دىن ئىبارەت. ⅩⅥ — ⅩⅣ ئەسىرلەردە غەربىي ياۋروپادىكى بىدئەتچىلىك يەنە شەھەر ئاھالىسى بىدئەتچىلىكى بىلەن دېھقانلار بىدئەتچىلىكى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن. ئالدىنقىسىغا، گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيىدە ئارنولىد (بىرىكىيە)، ئەنگلىيىدە ۋىكلىف، چېختا خوس ۋە مۇقەددەس جامچىلار (كالىكتسىزچىلار) ۋەكىللىك قىلغان؛ كېيىنكىسىگە ئەنگلىيىدىكى لوللاردچىلار، چېختىكى تابورچىلار، گېرمانىيىدىكى قايتا چوقۇنغۇچىلار قاتارلىقلار ۋەكىللىك قىلغان. غەربىي ياۋروپادىكى بىدئەتچىلەر كۈرەشنىڭ تىغىنى توغرىدىن-توغرا كاتولىك چېركاۋلىرى بىلەن مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن فېئوداللىق تۈزۈمگە قاراتقان. شۇڭا ئۇلار پاپا باشچىلىقىدىكى كاتولىك چېركاۋلىرى بىلەن دەھرىي فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇشىغا («بىدئەتچىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى» غا قاراڭ) ئۇچراپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرى، يازما يادىكارلىقلىرىنىڭ كۆپى «ئەنئەنىچى دىنىي گۇرۇھلىرى» تەرىپىدىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان پارچىلار پەقەت مۇنازىرە رەقىبلىرىنىڭ نەقىللىرىدىلا ئۇچرايدۇ، بۇلار خرىستىئان دىنىي تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بىر ئەر - بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم ئاساسىدىكى ئائىلە

  • بىر ئەر - بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم ئاساسىدىكى ئائىلە[يەشمىسى:]خاس جورىلىق تۈزۈم ئاساسىدىكى ئائىلە ياكى بىر جورىلىق تۈزۈم ئاساسىدىكى ئائىلە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىر ئەر بىر خوتۇننىڭ تۇرمۇش قۇرۇشى(ئۆز ئالدىغا بىللە ياشاش) ئاساس قىلىنغان نىكاھ ۋە ئائىلە شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. ئالاھەزەل ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى جۈپ نىكاھلىق تۈزۈمدىكى ئائىلىدە بىخلىنىپ، ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدىكى پاترىئارخاللىق تۈزۈمىنى باشتىن كەچۈرگەن. ياۋايىلىق دەۋرىدىن مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندا ئاخىرى چوڭ جەمەتتىن ئايرىلىپ چىقىپ، يەككە ئائىلە بولۇپ شەكىللەنگەن ھەمدە شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئارىيانلارچە تۇغقانچىلىق تۈزۈمىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بىرئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم ئاساسىدىكى ئائىلە مېتال قورال دەۋردىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى يەككە ئائىلىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقىنىڭ، بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدە ھۆكۈمرانلىق ئورۇن تۇتقانلىقى ھەمدە خۇسۇسىي مۈلۈككە ئىگە بولۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار جەمئىيىتىدە، بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم ئاساسىدىكى ئائىلە پاترىئارخاللىق ۋە ئەرلەر ھوقۇقى ھۆكۈمرانلىقى (ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار پەس) ئاساسىدا تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، نىكاھ قىلىشتا مۇئەييەن ئاتا جەمەتىدىن بالا تۇغۇلۇپ، ئۇنى ئاتىنىڭ مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. بۇنداق نىكاھ ئوڭچە ئىگىلەش ۋە خاس بولۇش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ، ئەمما كۆپ ھاللاردا ئەرلەر تەرىپىدىن بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئاياللارنىڭ ئىپپەت-نومۇسىنى ساقلىشى بىر تەرەپلىمە تەلەپ قىلىنىش بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ، شۇڭا بۇزۇقچىلىق بىلەن نومۇسنى سېتىش ئۇنىڭغا مۇقەررەر ھەمراھ بولىدۇ. سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتە، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئورنىتىلغاچقا، يەككە ئائىلىلەرنىڭ ئەسلى خاراكتېرى پەيدىنپەي ئۆزگىرىپ، ئەر-ئاياللار باراۋەر بولۇش ۋە ئەر-خوتۇن بىر-بىرىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈش ئاساسىدا ھەمدە سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېڭى تىپتىكى بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم ئاساسىدىكى ئائىلە چوقۇم بارلىققا كېلىدۇ.

بىر تەبىئەتچىلەر مەزھىپى

  • بىر تەبىئەتچىلەر مەزھىپى[يەشمىسى:] خرىستىئان دىنىنىڭ بىر مەزھىپى. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى تەۋەلىكىدە بارلىققا كەلگەن. خرىستوسنىڭ ئىلاھىي تەبىئىتىلا بولىدۇ دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ، ئەنئەنىۋى خرىستىئان دىنىي جەمئىيىتىنىڭ خرىستوسنىڭ ئىلاھىي تەبىئىتىمۇ، ئىنسان تەبىئىتىمۇ بولىدۇ (ئىلاھىي تەبىئەت بىلەن ئىنسان تەبىئىتىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن) دېگەن تەشەببۇسىغا قارشى تۇرغاچقا، بىر تەبىئەتچىلەر مەزھىپى دەپ ئاتالغان. ئۇنى كونستانتىنوپول ئەتراپىدىكى بىر موناستىرنىڭ ئېپىسكوپى ئېئوتچېس (Eutyches، 378 — 454) بەرپا قىلغان. مىلادى 449-يىلى ئېفىسوستا (Ephesos) ئېچىلغان دىنىي يىغىندا بىر تەبىئەتچى مۇخلىسلار يىغىننى ئېئوتچېس بىلەن بىر تەبىئەتچى مۇخلىسلارنى ئەنئەنىچى مۇخلىسلار دەپ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلاپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋەكىلى — كونستانتىنوپولنىڭ ئېپىسكوپى فۇلاۋىئاننى ئەيىبلىگەن، قاتتىق ئۇرغان ۋە سۈرگۈن قىلغان. يىغىننىڭ قارارى ئىمپېراتور تېئودوسيۇنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن. 451-يىلى چالسېدون (chalcedon، بوسفور بوغۇزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا بولۇپ، ھازىر ئىستامبول شەھىرىگە تەۋە) دا چاقىرىلغان دىنىي يىغىندا ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى بىلەن رىم پاپاسى تىل بىرىكتۈرۈپ، بىر تەبىئەتچىلەر مەزھىپىنى بىدئەتلەر قاتارىغا چىقىرىۋەتكەن، لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەزھەپ سۈرىيە، پەلەستىن، مېسوپوتامىيە، ئەرمىنىيە، مىسىر قاتارلىق جايلاردا كەڭ تارقالغان. مۇخلىسلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەمگەكچى خەلق، لېكىن جايلارغا ھوقۇق بېرىشنى يولغا قويۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان باي سودىگەرلەر ۋە چوڭ يەر ئىگىلىرىمۇ بار. Ⅴ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە، ۋىزانتىيە ئىمپېراتورلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بىر تەبىئەتچىلەر مەزھىپىگە كەڭ قورساقلىق سىياسىتىنى قوللانغان. 638-يىلى، ئىمپېراتور ھېراكلېئۇس «ئىككى تەبىئەت بىر ئىرادە»دېگەن تەلىماتنى، يەنى خرىستوسنىڭ ئىككى تەبىئىتى بولسىمۇ، بىراق، ئىرادىسى بىر دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر تەبىئەتچىلەر مەزھىپىگە يول قويغان. Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەرەبلەر ۋىزانتىيىنىڭ شەرقىي ئۆلكىلىرىنى ئىستېلا قىلغاندىن كېيىن، بىر تەبىئەتچىلەر مەزھىپى پەيدىنپەي ئاجىزلاشقان. بىراق، تا ھازىرغىچە مىسىر ۋە سۈرىيە قاتارلىق جايلاردا بىر تەبىئەتچىلەر مەزھىپىنىڭ مۇخلىسلىرى يەنىلا بار.

بىر تۇتاش ئىدارە قىلىش تەرەپدارلىرى

  • بىر تۇتاش ئىدارە قىلىش تەرەپدارلىرى[يەشمىسى:] ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى گۇرۇھلارنىڭ بىرى. 1931-يىلدىكى ئۆكتەبر ۋەقەسىدىن كېيىن پەيدىنپەي شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ تولىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتى، باش شتاب قاتارلىق مەركىزىي ئورگانلاردىكى ياردەمچى ئوفىتسېرلار. مەركەزلىك ئادىمى ناگاتا تېتىسۇزان، ئىشىۋاراكانجى قاتارلىقلار. ئۇلار مونارخىستلارنىڭ گۇرۇھۋازلىق مۇناسىۋىتىگە ۋە «بىۋاسىتە ھەرىكەت» پىلانىغا قارشى چىقىپ، ھەربىي مەركىزىي ئاپپاراتنىڭ بىر تۇتاشلىقىنى ساقلاپ، قانۇنىي يول بىلەن ھەربىي ئىستېبداتلىقنى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر تۇتاش ئىدارە قىلىش تەرەپدارلىرى دەپ ئاتالغان. 1934-يىلى خاياشگىن جورو قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى، ناگاتا تېتىسۇزان ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغاندىن كېيىن، مونارخىستلاردىن بولغان ئوفىتسېرلارنى ئۈزلۈكسىز تازىلاپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى تەدرىجىي قولغا كىرگۈزگەن. 1936-يىلدىكى 26-فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن، «ئارمىيىنى تازىلاش» ئارقىلىق، مونارخىستلار كۈچلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتابىنى پۈتۈنلەي تىزگىنلىگەن. 

بىركا خارابىسى

  • بىركا خارابىسى[يەشمىسى:]Birka) شۋېتسىيە دېڭىز قاراقچىلىرى شەھىرىنىڭ خارابىسى. شۋېتسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى مالارېن (Malaren) كۆلى بىئولكىن ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمال قىرغىقىغا جايلاشقان. 1872 — 1895-يىللىرى تەكشۈرۈلگەن، خارابىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2.5 كىلومېتر؛ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 8.1 مېتر، كەڭلىكى 6 — 12 مېتر كېلىدىغان سېپىل ئوراپ تۇرىدۇ، ئالتە كىرىش-چىقىش ئېغىزى بار. تەخمىنەن مىلادى 800-يىللىرى سېلىنغان. ئەسلىدە سېپىل يوق بولۇپ، Ⅹئەسىرگە كەلگەندىلا، سېپىل ئىچىگە ئېلىنغان. روسىيە بىلەن سودا قىلىش ئارقىلىق، تېرە، شەرقنىڭ كۈمۈشتىن ئىشلەنگەن بۇيۇملىرى، يىپەك توقۇلمىلار، غەربىي ياۋروپانىڭ تۇز ۋە رەخت سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. بالتىق دېڭىزىنىڭ بويىدا، خېدېبى (Hedeby) بىلەن بىللە، ئىنتايىن مۇھىم سودا پونكىتى بولۇپ قالغان. قېزىش ئارقىلىق مىلادى 900-يىللار ئەتراپىدىكى تۇرنىڭ خارابىسى ئىكەنلىكى مۇقىملاشتۇرۇلغان. مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەر تۇرغان تام ئۆيلەر تېپىلغان، قىلىچ، نەيزە، يا ئوقىنىڭ بېشى قاتارلىق قوراللارنى ۋە ئەرەنچە كىيىملەرنىڭ پارچىلىرى قاتارلىقلارنى قېزىپ چىققان. لېكىن ئاياللار بۇيۇملىرى تېپىلمىغان.

بىرلەشكەن تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى

  • بىرلەشكەن تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى[يەشمىسى:] «ياش تۈركىيە پارتىيىسى»گە قاراڭ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى

  • بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى[يەشمىسى:] قىسقارتىپ «ب د ت» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان خەلقئارالىق تەشكىلات. 1945-يىلى 6-ئايدىكى سان فرانسېسكو يىغىنىدا ئىمزالانغان «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي نىزامى»غا ئاساسەن، شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. ئاساسىي نىزامغا ئىمزا قويۇشقا قاتناشقان 51 دۆلەت ب د ت نىڭ ئاساس سالغۇچى ئەزا دۆلەتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو ب د ت نىڭ ئاساس سالغۇچى ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى تۈپەيلىدىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت دىكى قانۇنىي ھوقۇقى پەقەت 1971-يىلى 10-ئايغا كەلگەندىلا، ئاندىن ئەسلىگە كەلگەن. ئاساسىي نىزامدا ب د ت نىڭ مەقسىتى «خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ساقلاش»، «تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى چەكلەش»، «خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» ۋەھاكازالاردىن ئىبارەت دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ب د ت ۋە ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك پرىنسىپلار مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ھەرقايسى ئەللەر ئىگىلىك ھوقۇقتا باپباراۋەر بولۇش؛ خەلقئارالىق تالاش-تارتىشلارنى تىنچلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىش؛ باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكى ياكى سىياسىي مۇستەقىللىكىگە تەھدىت سېلىش ياكى قورال كۈچى، ياكى ب د ت نىڭ مەقسىتىگە خىلاپ باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق دەخلى-تەرۇز قىلماسلىق؛ ب د ت ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ماھىيەت جەھەتتە دۆلەت ئىچكى تەۋەلىكىگە مەنسۇپ بولغان ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق. ب د ت غا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى دۆلەت، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۆرسىتىشىدىن ئۆتسە ھەمدە چوڭ يىغىندا ئۈچتىن ئىككى قىسىم كۆپچىلىك قوشۇلسا، ئەزا دۆلەت بولالايدۇ. 1983-يىلغا قەدەر ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانى 158 گە يەتكەن. ب د ت دا چوڭ يىغىن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كېڭەش، ۋەكالىتەن باشقۇرۇش كېڭىشى، خەلقئارا سوت ۋە كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىبارەت ئالتە مۇھىم ئورگان بار. كاتىبات باشقارمىسىدا بىر نەپەر باش كاتىپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇ ب د ت نىڭ ئاساسىي مەمۇرىي مەسئۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باش شتاب نيۇ-يوركتا تەسىس قىلىنغان. جەنۋەدە ياۋروپا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى بار. ھەرقايسى ئاپپاراتلارنىڭ يىغىنلىرى ئادەتتە باش شتابتا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئەمما ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەشەببۇسى بويىچە باشقا جايدا ئۆتكۈزۈشكىمۇ بولىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي نىزامى

  • بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي نىزامى[يەشمىسى:] 1945-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ سان-فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي نىزامى» نى تۈزۈش يىغىنىدا ماقۇللانغان ۋە ئىمزالانغان. كېيىن 6-ئاينىڭ 26-كۈنى «ئاساسىي نىزام كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن. 10-ئاينىڭ 24-كۈنى (كېيىن «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن) دىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان. ئاساسىي نىزام جەمئىي 19 باب، 111 ماددىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ب د ت نىڭ مەقسىتى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى ۋە ھوقۇقلىرى ۋە ئالتە ئاساسىي ئاپپاراتىنىڭ فۇنكسىيە دائىرىسى بەلگىلەنگەن. «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى» غا قاراڭ.

بىرلەشكەن ئۆلكىلەر جۇمھۇرىيىتى

  • بىرلەشكەن ئۆلكىلەر جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:] دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى بۇرژۇئازىيە جۇمھۇرىيىتى. نېدىرلاندىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە، نېدىرلاندىيىنىڭ شىمالىي يەتتە ئۆلكىسى بىلەن جەنۇبتىكى بىر قىسىم شەھەرلىرى 1579-يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇترىچىت ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاساس سالغان. 1581-يىلى، شىمالدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن تەركىب تاپقان ئۈچ تەبىقە يىغىنى ئىسپانىيە كورۇلى فېلىپ Ⅱ نىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، بىرلەشمە ئۆلكىلەر جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان، گوللاندىيە ئۆلكىسىنىڭ بىرلەشمە ئۆلكىلەر ئىچىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئورنى ئەڭ مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ جۇمھۇرىيەت گوللاندىيە جۇمھۇرىيىتى، قىسقارتىپ گوللاندىيە دەپ ئاتالغان. ئىسپانىيە 1609-يىلى گوللاندىيە بىلەن «ئون ئىككى يىللىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، گوللاندىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئەمەلىيەتتە ئېتىراپ قىلغان.ⅩⅦ — ⅩⅧ ئەسىرلەردە، گوللاندىيىدە كاپىتالىستىك سودا-سانائەت، دېڭىز ترانسپورتى تېز تەرەققىي قىلغان ھەمدە ھىندۇنېزىيە، يېڭى ئامىستېردام (ھازىرقى نيۇ-يورك)، برازىلىيە، ئۈمىت تۇمشۇقى قاتارلىق جايلاردا مۇستەملىكە بەرپا قىلىپ، دۇنيا بويىچە كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. 1795-يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. 1806-يىلى گوللاندىيە پادىشاھلىق دۆلەتكە ئايلانغان. 

بىرلەشمە مېۋە-چېۋە شىركىتى

  • بىرلەشمە مېۋە-چېۋە شىركىتى[يەشمىسى:] ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كونترول قىلىدىغان مونوپول شىركىتى. 1899-يىلى قۇرۇلغان. بوستون مالىيە گۇرۇھىغا قارايدۇ، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ساھەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار. ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدە كەڭ كۆلەملىك تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئاپېلسىن، كاكائو، شېكەر قومۇشى قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش ۋە سېتىشنى مونوپول قىلىۋالغان. يەنە بۇ دۆلەتلەرنىڭ تېلېفون، تېلېگرام، سودا، دېڭىز ترانسپورت، تۆمۈريول قاتنىشى، تاشقى سودىسى ۋە مۇھىم پورتلىرىنى كونترول قىلغان. ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدە ئۆزىنىڭ «قانۇنى»، ھەربىي ۋە ساقچىلىرى بولۇپ، گوياكى بىر «دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت» گە ئايلىنىپ قالغان. 1970-يىلى 6-ئايدا ئامېرىكا ماشىنا شىركىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، نامى بىرلەشمە ماركا شىركىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بەزى دۆلەتلەر 1974-يىلى 9-ئايدا ئاپېلسىن ئېكسپورت قىلغۇچى ئەللەر ئىتتىپاقىنى قۇرغاندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كۈچى زەربىگە ئۇچرىغان. 

بىرما-تايلاند ئۇرۇشى

  • بىرما-تايلاند ئۇرۇشى[يەشمىسى:] بىرما تايلاندقا ھۇجۇم قىلغان ئۇرۇش، جەمئىي يەتتە قېتىم يۈز بەرگەن: (1) 1548-يىلى، بىرمىنىڭ توئۇنگوئو سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى تابىنشۋېتى تايلاند قوشۇنى تۇۋاغا بېسىپ كىرگەنلىكتىن، تايلاندقا جازا يۈرۈشى قىلىشنى قارار قىلغان. ھەر ئىككى تەرەپ پورتۇگالىيىلىك ئەسكەرلەرنى ياللىغان. تايلاندنىڭ پايتەختى ئايۇتئىئا (چوڭ شەھەر) نىڭ مۇداپىئەسى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، بىرما ئارمىيىسى ئۇنى ئالالماي چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. (2)1563-يىلى، توئۇنگوئو سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بايىننائۇڭ تايلاندقا جازا يۈرۈشى قىلىش ئۇرۇشىنى يەنە بىر قېتىم قوزغىغان. ئىككىنچى يىلى ئايۇتئىئانى ئېلىپ، تايلاند پادىشاھىنى تۇتۇۋالغان. كېيىن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەسىر دائىرىسىنى مىكونگ دەرياسىنىڭ ۋادىسىغىچە كېڭەيتكەن. زور تۈركۈم ئەسىرلەر ۋە ئۇستىلارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكتىن، تايلاندنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتى بىرمىغا تارقالغان. (3) 1568-يىلى، ئەسىرلىكتىن قويۇپ بېرىلگەن تايلاند پادىشاھى مەملىكىتىگە قايتقاندىن كېيىن ئىتائەت قىلىشنى خالىمىغانلىقتىن، بايىننائۇڭ ئۈچىنچى قېتىملىق تايلاندقا جازا يۈرۈشى قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 10 ئايدىن كېيىن بىرما قوشۇنى تايلاندنىڭ پايتەختىنى يەنە بىر قېتىم بېسىۋالغان، تايلاند بىرمىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلانغان؛ (4) 1584-يىلى، تايلاند مۇستەقىل بولغان. بىرما پادىشاھى بايىن (Nanda Bayin) تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (1581 — 1599)، تايلاندقا بەش قېتىم ئەسكەر چىقارغان بولسىمۇ، ھېچقايسىسىدا غەلىبە قىلالمىغان. (5) ئائۇنگزىيا بىرمىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، 1759-يىلى تايلاندقا ھۇجۇم قىلىپ، ئايۇتىئئا شەھىرىنى قورشىۋالغان. كېيىن ئائۇنگزىيا ئ اغرىپ قېلىپ، چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. (6) 1764-يىلى، ئائۇنگزىيا سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى مېنبوزور ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ، تايلاندقا بېسىپ كىرگەن. 1767-يىلى تايلاندنىڭ پايتەختىنى ئالغان، ئايۇتىئئا سۇلالىسى مۇنقەرز بولغان. (7) 1768-يىلى، تايلاند بىرما قوشۇنىنى قوغلاپ چىقىرىپ، يېڭىباشتىن مۇستەقىل بولغان. بىرما پادىشاھى مېنيۇن 1785-يىلى تايلاندقا ھۇجۇم قىلغان، تايلاند پادىشاھى پىداكارلىق بىلەن ئۇرۇش قىلغان، بىرما قوشۇنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ، مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەن.

بىرمىلىقلار جەمئىيىتى

  • بىرمىلىقلار جەمئىيىتى[يەشمىسى:] دوباما پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىرمىدا ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان ئىلغار پارتىيە. 1930-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، رادىكال بۇرژۇئا زىيالىيلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان. دەسلەپكى مەزگىلدىكى رەھبىرى تاكىن باتۇن قاتارلىق كىشىلەر «بىرما بىزنىڭ دۆلىتىمىز، بىرما يېزىقى بىزنىڭ يېزىقىمىز، ۋەتەننى سۆيۈشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىنى قەدىرلىشىمىز، ئۆز تىلىمىزغا ھۆرمەت قىلىشىمىز لازىم» دېگەننى ئاساسىي مەقسەت قىلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى ئومۇمەن «تاكىن» (Thakin«خوجايىن» مەنىسىدە)نى ئىسمىنىڭ بېشىغا يېزىپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئادەتتە «تاكىن پارتىيىسى» دەپمۇ ئاتىلىپ كەلگەن. بۇ پارتىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن ئامما ئىچىدە جاھانگىرلىككە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. 1936-يىلى ستۇدىنتلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى قانات يايغاندىن كېيىن، ئىلغار ئوقۇغۇچىلارنىڭ داھىيلىرى رەھبەرلىك يادروسىغا كىرگەن. 1939-يىلى ئائوڭسان باش سېكرىتار بولۇپ سايلانغان. سول قانات ئىلغار كۈچلەر زورىيىپ بارغان. كېيىن ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش يۈز بەرگەن. 1940-يىلدىن كېيىن ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. 

بىرمىنىڭ مۇستەقىللىك قانۇنى

  • بىرمىنىڭ مۇستەقىللىك قانۇنى[يەشمىسى:] ئەنگلىيە بىرمىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان قانۇن لايىھىسى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىرمىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. 1947-يىلى 1-ئايدا ئىمزالانغان «ئاڭشەن-ئاتتلې كېلىشىمى» بىرمىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئارقىغا سوزۇش چارىسىنى قوللىنىپ، بىرما خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىغان. شۇ يىلى 6-ئايدا بىرمىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مەجلىسى مۇستەقىللىك توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللاپ، ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ، تولۇق مۇستەقىللىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 10-ئايدا «ئەنگلىيە-بىرما شەرتنامىسى» ئىمزانغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە پارلامېنتى «بىرمىنىڭ مۇستەقىللىك قانۇنى» نى ماقۇللاشقا مەجبۇر بولۇپ، بىرمىنىڭ تامامەن مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ قانۇن 12-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، بىرما 1948-يىل 1-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇستەقىللىكنى رەسمىي ئېلان قىلغان. 

بىر نەۋرىلەرنىڭ توي قىلىشى

  • بىر نەۋرىلەرنىڭ توي قىلىشى[يەشمىسى:] قايچا قۇدىلىشىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىر نەۋرە ئاكا-ئۇكا، ھەدە-سىڭىللارنىڭ ئۆزئارا توي قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. توپ نىكاھلىنىشنىڭ بىرخىل قالدۇق شەكلى. توپ نىكاھلىنىش تۈزۈمىدە دەسلەپ بىر تۇغقان ئاكا-ئۇكا ۋە ھەدە-سىڭىللار ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھلىنىش چەتكە قېقىلغان. شىرەم تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىشى چەتكە قېقىلمىغان. بەلكى مۇقىم بولغان مەلۇم ئىككى ئۇرۇق ئەزالىرىنىڭ نىكاھلىنىش شارائىتىدا شىرەم تۇغقانلار ئوخشاش بىر ئۇرۇققا مەنسۇپ بولمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىشى قائىدىگە ئۇيغۇن بولغان. بۇنداق بىر نەۋرىلەرنىڭ نىكاھلىنىش ئادىتى ئۇزۇن زامانلارغىچە ساقلىنىپ قالغان. مەسىلەن، ئىندىئانلارنىڭ مورىيا قەبىلىسىنى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نەۋرىلەرنىڭ نىكاھلىنىش ئەھۋالى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. كېيىنكى چاغلاردا بارلىققا كەلگەن بەزى مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ بىر نەۋرىلەرنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىشى خېلى تارقالغان. 

برۇنې

  • برۇنې[يەشمىسى:]Biruni-la،973 — 1048) تولۇق ئاتىلىشى: ئەبۇ رەيھان ئەل برۇنې، ئوتتۇرا ئاسىيالىق مەشھۇر ئالىم. خارەزمدە تۇغۇلغان. كېيىن غەزنەگە كۆچۈپ بارغان ھەمدە كۆپ يىل ھىندىستاندا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1031-يىلى «ھىندىستان تەزكىرىسى» دېگەن كىتابنى يېزىپ، ھىندىستاننىڭ ئۆرپ-ئادەت، ئىلىم-پەن ۋە پەلسەپىسىنى يېزىپ قالدۇرغان. «قەدىمكى يادىكارلىقلار» دېگەن ئەسىرىدە، ئاساسەن، قەدىمكى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ يىلنامە ۋە دەۋرلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان. يەنە «مەسئۇدى ئاسترونومىيىسى ۋە مۇنەججىمشۇناسلىقى قائىدىلىرى» دېگەن ئەسەرنىمۇ يازغان. ئۇ جۇغراپىيىلىك ئۆلچەپ-سىزىشنىڭ نازۇكلۇق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇغراپىيىلىك ھادىسىلەرنى فىزىكىلىق ۋە ماتېماتىكىلىق قائىدىلەر بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان. ئۇ ئوتتۇرا ئەسىردە يەر شارىنىڭ مېرىدىئان ۋە پاراللېل گرادۇسلىرىنى ھەممىدىن ئاۋۋال توغرا ئۆلچەپ چىققان ئالىم بولۇپ قالغان. 

برىتانىيە جېڭى

  • برىتانىيە جېڭى[يەشمىسى:]ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمان ئارمىيىسىنىڭ ئەنگلىيىگە تاجاۋۇز قىلىشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، 1940-يىلى 8-، 10-ئايلاردا ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرى ھەم مۇھىم سانائەت شەھەرلىرىگە قارىتا ئۇدا ئېلىپ بارغان بومباردىمانچىلىقى ۋە ھاۋا جېڭى. ئىككى ئاي ئىچىدە گېرمان ئارمىيىسى 2500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان، ئەنگلىيە ئارمىيىسى 650 تىن 750 كىچە ئايروپىلان چىقىرىپ جەڭگە قاتناشتۇرغان. 1940-يىل 8-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىق جەڭنىڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن مەزگىلى بولۇپ، گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ئايرودروم ۋە ئايروپىلان زاۋۇتلىرىنى بومباردىمان قىلغان. ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيىسى خېلى چوڭ تالاپەتكە ئۇچ-رىغان. 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ گېرمان ئارمىيىسى لوندونغا ھاۋادىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ توسۇپ زەربە بېرىشى تۈپەيلىدىن گېرمان ئارمىيىسى نىشانلىرىغا يېقىنلىشىشقا ئامالسىز قېلىپ، نەتىجىدە «دېڭىز شىرى» دەپ ئاتالغان جەڭدىكى تاجاۋۇزچىلىق پىلانى مۇددەتسىز كېچىكتۈرۈلگەن. گېرمان ئارمىيىسى 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ كېچىسى ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتكەن. برىتانىيە جېڭى ئاخىرقى باسقۇچقا يېقىنلاشقان. ئەنگلىيىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن گېرمان ئارمىيىسىنىڭ پۈتۈن غەربىي ياۋروپانى بويسۇندۇرۇش پىلانى تارمار قىلىنغان.

بىرىسسوت

  • بىرىسسوت[يەشمىسى:]Jacques Pierre Brissot de Warville، 1754 — 1793) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى گىروندىچىلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئادۋوكاتلار ئىش ئورنىدا خىزمەتچى بولغان، مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە قارشى تۇرىدىغان مەزمۇندىكى كىتابچىنى نەشىر قىلدۇرغانلىقتىن تۈرمىگە قامالغان. 1785-يىلى كىنەز ئورلېئاننىڭ ئىشخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، كېيىن ئەنگلىيىدە ساياھەتتە بولغان. 1788-يىلى «نېگىرلار دوستلۇق جەمئىيىتى» قۇرۇلغاندا نېگىرلارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ئامېرىكىغا بېرىپ نېگىر قۇللارنىڭ ئازادلىقى مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان. 1789-يىلى پارىژغا قايتىپ كېلىپ، «فرانسۇز ۋەتەنپەرۋەرلەر گېزىتى» نى نەشىر قىلغان. كېيىن ياكوبىنچىلار كۇلۇبىغا قاتنىشىپ، قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى ۋە مىللىي ئۇيۇشمىغا سايلانغان. پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. لۇئى ⅩⅥ نىڭ قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كورۇلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىش مۇراجىئەتنامىسىنى يېزىپ چىققان. مىللىي ئۇيۇشمىدا ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان گىروندىچىلارنى شەكىللەندۈرۈپ، «تاغلىقلارغا» قارشى تۇرغان. 1792-يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى قوزغىلاڭدىن كېيىن، پارىژ كوممۇنىسى بىلەن ياكوبىنچىلار كۇلۇبىنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان. 1793-يىلى 6-ئايدا سۈرگۈن قىلىنىپ، قېچىپ كېتەلمەي قولغا ئېلىنغان. 10-ئايدا قەتلى قىلىنغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «جىنايى ئىشلار قانۇنى نەزەرىيىسى»، «ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى نېگىرلار ھەققىدە خاتىرىلەر»، «فرانسىيە زور ئىنقىلابى توغرىسىدا ۋە شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى» قاتارلىقلار بار.

بىرىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقى

  • بىرىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى فېئودال دۆلەت (681 — 1018). مىلادى Ⅶ ئەسىردە، ھازىرقى بۇلغارىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي سلاۋىيانلارنىڭ يەتتە قەبىلىسى «يەتتە قەبىلە ئىتتىپاقى» نى قۇرغان. Ⅶ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئاسپارۇخ باشچىلىقىدىكى بۇلغارلار دوناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا ئۆتۈپ، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە قاراشلىق دوبرۇجا(Dobruja)ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان. كېيىن سلاۋىيانلار بىلەن بىرلىشىپ، 681-يىلى ۋىزانتىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. شۇ يىلى ئىككى تەرەپ سۈلھ تۈزۈپ، ۋىزانتىيە بۇلغار-سلاۋىيانلار قۇرغان دۆلەتنى ئېتىراپ قىلغان. مانا بۇ بىرىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىق دۆلىتىنى قۇرغانلىقىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىنەز كرۇم تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (803 — 814) زېمىنى ھازىرقى بۇلغارىيىنىڭ پۈتۈن قىسمىنى ۋە رومىنىيە، ۋېنگرىيىلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تەخمىنەن 865 -يىلى كىنەز بورىس خرىستىئان دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ تىكلىگەن. ئىمپېراتور سىمېيون تەختتىكى چاغدا (893 — 927) يەنە سېربىيە، ماكىدونىيە ۋە سىروسنىڭ بىر قىسمىنى قوشۇۋېلىپ، بۇلغارىيە بالقان يېرىم ئارىلىدىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان. سىمېيون ئۆلگەندىن كېيىن، يەرلىك فېئودال كۈچلەر كۈچىيىپ، دۆلەت زېمىنىدا پارچىلىنىش ھالىتى يۈز بەرگەن. 969-يىلى ساموئېل باشچىلىقىدىكى غەربىي بۇلغارىيە ئاقسۆڭەكلىرى غەربىي بۇلغارىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 1018-يىلى ۋىزانتىيە غەربىي بۇلغارىيە پادىشاھلىقىنى مۇنقەرز قىلغان، بىرىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقىمۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاخىرلاشقان.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى

  • بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى[يەشمىسى:]1914-يىلدىن 1918-يىلىغىچە ئەنگلىيە، فرانسىيە، چارروسىيىنى يادرو قىلغان بىر تەرەپ بىلەن گېرمانىيە، ئاۋسترىيىنى يادرو قىلغان يەنە بىر تەرەپنىڭ ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەدە ئېلىپ بارغان جاھانگىرلىك ئۇرۇشى. كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىپ جاھانگىرلىك باسقۇچىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، تاۋار بازىرىنى تالىشىش ۋە دۇنيانى يېڭىباشتىن تەقسىم قىلىش كۈرىشى كۈنسايىن ئۆتكۈرلەشكەن. ياۋروپادا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە ئانتانتا دۆلەتلەردىن ئىبارەت ئىككى جاھانگىرلىك ئۇرۇش گۇرۇھى شەكىللەنگەن. مەراكەش كرىزىسى (1905 — 1906)، بوسنىيە كرىزىسى (1908 — 1909) ۋە بالقان ئۇرۇشى (1912 — 1913) ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن. ئەڭ ئاخىردا سارايېۋو ۋەقەسى (1914-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى) بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا ئېلىپ بارغان. 1914-يىل 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى سېربىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان؛ 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋە 3-كۈنى گېرمانىيە روسىيىگە ۋە فرانسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان ھەمدە 4-كۈنى بېلگىيىگە ھۇجۇم قىلغان. ئەنگلىيە 8-ئاينىڭ 4-كۈنى گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان، ئۇنىڭ دومىنىئونلىرىمۇ ئەنگلىيىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۇرۇشقا قاتناشقان. ئۇرۇش مەزگىلىدە، تۈركىيە بىلەن بۇلغارىيە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قاتناشقان، ياپونىيە، ئىتالىيە، رومىنىيە، گرېتسىيە، ئامېرىكا، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئانتانتا دۆلەتلىرىگە قاتناشقان. تۆت يىلدىن كۆپرەك ئۇرۇشقاندىن كېيىن، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر. بارا-بارا بەرداشلىق بېرەلمەي قالغان، 1918-يىلى كۈزدە بۇلغارىيە، تۈركىيە ۋە ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ئۇرۇشتىن پەيدىنپەي چېكىنىپ چىققان، گېرمانىيىمۇ شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى «كومپىئېگنې ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، تەسلىم بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان. بۇ ئۇرۇشقا بىر مىليارد بەش يۈز مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسى بار ئوتتۇز ئۈچ دۆلەت تارتىلغان. جەمئىي يىگىرمە مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ، يىگىرمە مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. ئۇ جاھانگىرلىك تۈزۈمىنىڭ چىرىكلىكى ۋە زاۋال تاپقانلىقىنى تولۇق ئاشكارىلىغان. ئۇرۇش جەريانىدا پارتلىغان روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى كاپىتالىزم دۇنياسىنىڭ سىستېمىسىنى تەۋرىتىپ، ئۇرۇشتىن كېيىن غەرب ۋە شەرقتە ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنىڭ يۈكسىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى

  • بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى[يەشمىسى:]ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى «كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ قالغان ياۋايى ئادەملەر توپىدىن ئايرىلىپ چىقىشى» («ماركس-ئېنگېلس ئەسەرلىرىدىن تاللانما» 4-توم، خەلق نەشرىياتى 1972-يىل خەنزۇچە نەشرىنىڭ 156-بېتى) نى كۆرسىتىدۇ. ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىدىن باشلاپ، ئىنسانىيەت برونزا قوراللار بىلەن تاش قوراللار بىللە ئىشلىتىلىدىغان دەۋرگە قەدەم قويغان، ئىپتىدائىي تېرىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھەرقايسى جايلاردىكى قەبىلىلەر شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، بەزىلىرى چارۋىچىلىقنى، بەزىلىرى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان. ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران، كاپكاز، ئەرەبىستان قاتارلىق ئوتلاقلىق جايلاردىكى بەزى قەبىلىلەر پەيدىنپەي چارۋا توپلىرىنى باقىدىغان ۋە ئوتلىتىدىغان كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرگە ئايلىنىپ كەتكەن؛ ئۇلار ئادەتتىكى قەبىلىلەردىن ھەممىدىن ئاۋۋال ئايرىلىپ چىققان، دەپ قارىلىدۇ. ئامېرىكا، شەرقىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا (بەزى رايونلىرى) دىكى بەزى قەبىلىلەر پەيدىنپەي دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قەبىلىلەرگە ئايلىنىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن تارىختىكى بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى ئورۇندالغان. كۆچمەن قەبىلىلەر ئىشلەپ چىقارغان گۆش، سۈت، تېرە قاتارلىق مەھسۇلاتلار كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپىيىپ، ئېشىنچە مەھسۇلات بارلىققا كەلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېھقانچىلىق قەبىلىلىرى بىلەن چارۋىچىلىق قەبىلىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئۆزئارا بار-يوقنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن دائىملىق ئالماشتۇرۇش رېئاللىققا ئايلانغان. چارۋا ئالماشتۇرۇش ئوبيېكتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى نۇرغۇنلىغان جايلاردا ئادەتتىكى تەڭ قىممەتلىك بۇيۇم سۈپىتىدە پۇلنىڭ فۇنكسىيىسىگە ئىگە بولغان. شۇنداق قىلىپ، «بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتىدا، بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ بۆلۈنۈش بارلىققا كەلگەن، يەنى خوجايىن بىلەن قۇل، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى بىلەن ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنغۇچىدىن ئىبارەت ئىككى سىنىپقا بۆلۈنۈش يۈز بەرگەن.» («ماركس، ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى» 4-توم، خەلق نەشرىياتى 1972-يىل خەنزۇچە نەشرىنىڭ 157-بېتى). چارۋىچىلىق ئىگىلىكتە ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكتىن، چارۋىچىلىقنىڭ ئىگىسى بولغان. ئەرلەر جەمئىيەتتە ۋە ئائىلىدە ئاياللارنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەن، شۇنىڭ بىلەن، ماترىئارخاللىق تۈزۈمى ئاخىرى ماترىئارخاللىق تۈزۈمىنىڭ ئورنىنى ئالغان. ئەمما بەزى ئالىملار يېقىنقى 100 يىللىق ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ، كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ شەكىللىنىشى برۇنزا قوراللار ئىشلىتىلگەن، ئات كۆندۈرۈلگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن، دېھقانچىلىق قەبىلىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدىن خېلىلا ئارقىدا، دەپ قارايدۇ ۋە شۇڭا ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق قەبىلىلىرىنىڭ قالغان چارۋىچىلىق قەبىلىلىرىدىن ئايرىلىپ چىقىشىنى ۋە دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنىڭ ئىلغار قەبىلىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بۆلۈنۈشىنى بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى، دەپ بې-كىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال

  • بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال[يەشمىسى:] يەنى خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتى. دۇنيا پرولېتارىياتىنىڭ تۇنجى خەلقئارالىق بىرلەشمە تەشكىلاتى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ كۈنسايىن يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىلغار ئىشچىلار ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا دائىرىدە تەشكىللىك ئالاقە ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغانىدى. 1864-يىل 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىشچىلار ۋەكىللىرى، چار روسىيىنىڭ پولشا خەلق قوزغىلىڭىنى قانلىق باستۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، لوندوندىكى سان مارتىن يىغىن زالىدا خەلقئارا ئىشچىلار يىغىنىنى ئۆتكۈزگەن. ماركس بۇ يىغىنغا قاتناشقان. يىغىندا خەلقئارالىق ئىشچىلار تەشكىلاتىنى قۇرۇش قارار قىلىنغان ھەمدە ئۇنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى — باش كومىتېت سايلاپ چىقىلغان. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى باش كومىتېت يىغىنىدا «خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتى» دېگەن نام رەسمىي بېكىتىلگەن. ماركس «خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتى» نىڭ ئاساس سالغۇچىسى ۋە داھىيسىدۇر. ئۇ يېزىپ چىققان خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش خىتابنامىسى ۋە ئورتاق نىزامنامىسىدە خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتىنىڭ كۈرەش پروگراممىسى ۋە پرولېتارىياتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى بەلگىلىنىپ، ئىشچىلار سىنىپى چوقۇم ئۆزىنىڭ مۇستەقىل سىياسىي پارتىيىسىنى قۇرۇشى ۋە سىياسىي كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، بۇرژۇئازىيە ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، پرولېتارىيات ھاكىمىيىتىنى تىكلىشى زۆرۈر، دەپ تەكىتلەپ كۆرسىتىلگەن. خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتى ماركس ۋە ئېنگېلسنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ھەرقايسى ئەللەر ئىشچىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي كۈرىشى ۋە سىياسىي كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ئەللەردە ماركسىزمنى كەڭ تارقىتىپ، پرودونچىلىق، باكونىنچىلىق، لاسسالچىلىق، ئىشچىلار بىرلەشمىچىلىكى قاتارلىق ھەر خىل ئاغمىچى مەزھەپلەر ۋە ئەكسىيەتچىل پىكىر ئېقىملىرى بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پرولېتارىياتنىڭ ئىنتېرناتسىئوناللىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، 1871-يىلىدىكى پارىژ كوممۇنىسىنى ئاكتىپ قوللىغان. پارىژ كوممۇنىسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ كەڭلىككە قاراپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى ئەللەردە پرولېتارىيات سىياسىي پارتىيىسىنى قۇرۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇپ، خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەشكىلىي شەكلى يېڭى ۋەزىيەتنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالمايدىغان بولۇپ قالغان. شۇڭا، ماركسنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن، 1876-يىلى 7-ئايدا ئامېرىكىنىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋەكىللەر يىغىنىدا ئۇنىڭ تارقىتىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال دەپ ئاتالغان. ئۇ خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ پېشۋاسى بولۇپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابىنىڭ راۋاجلىنىشىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، ئۇ «ئىشچىلارنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىنى ئورنىتىپ، ئىشچىلارغا كاپىتالغا ئىنقىلابىي ھۆكۈم قىلىشنىڭ تەييارگەرلىكىنى ياخشى قىلدۇردى»(«لېنىن ئەسەرلىرى» 3-توم، خەلق نەشرىياتىنىڭ 1960-يىلىدىكى خەنزۇچە نەشرى، 809-بەت). بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ھەر قېتىملىق قۇرۇلتايلىرى ۋە ۋەكىللەر يىغىنلىرىنىڭ ئېچىلغان ۋاقتى ھەم ئورنى:行首60بىرىنچى قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى: 1865-يىل 9-ئاينىڭ 25 — 28-كۈنلىرى، ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە.行首60بىرىنچى قۇرۇلتىيى: 1866-يىل 9-ئاينىڭ 3 — 8-كۈنلىرى، شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە.行首60ئىككىنچى قۇرۇلتىيى: 1867-يىل 9-ئاينىڭ 2 — 8-كۈنلىرى، شۋېتسارىيىنىڭ لۇساننې شەھىرىدە.行首60ئۈچىنچى قۇرۇلتىيى: 1868-يىل 9-ئاينىڭ 6 — 13-كۈنلىرى، بېلگىيىنىڭ بريۇسسېل شەھىرىدە.行首60تۆتىنچى قۇرۇلتىيى: 1869-يىل 9-ئاينىڭ 6 — 11-كۈنلىرى، شۋېتسارىيىنىڭ بارسېل شەھىرىدە.行首60ئىككىنچى قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى: 1871-يىل 9-ئاينىڭ 17 — 23- كۈنلىرى، ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە.行首60بەشىنچى قۇرۇلتىيى: 1872-يىل 9-ئاينىڭ 2 — 7-كۈنلىرى، گوللاندىيىنىڭ گائاگا شەھىرىدە.行首60ئالتىنچى قۇرۇلتىيى: 1873-يىل 9-ئاينىڭ 8 — 13-كۈنلىرى، شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە. 行首60ئۈچىنچى قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى: 1876-يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ فلادېلفىيە شەھىرىدە.

بريۇسسېل شەرتنامىسى

  • بريۇسسېل شەرتنامىسى[يەشمىسى:] «ئەنگلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليۇكسېمبۇرگ شەرتنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن غەربىي ياۋروپادىكى بەش دۆلەت تۈزۈشكەن ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى. 1948-يىل 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەنگلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليۇكسېمبۇرگلارنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلدا ئىمزالىغان. ئۇنىڭدا: خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ساقلاش ھەمدە ھەرقانداق تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشتا ئۆزئارا ياردەم بېرىش، گېرمانىيىدە تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى قايتا تىرىلگىنىدە ئۇنىڭغا قارشى زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىش؛ شەرتلەشكەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ،ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ھەم ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش؛ شەرتنامىنىڭ ئىجرائىيە ئاپپاراتى سۈپىتىدە مەسلىھەت كېڭىشى تەسىس قىلىش، دەپ بەلگىلەنگەن. 1948-يىل 8-ئاينىڭ 25-كۈنى شەرتنامە كۈچكە ئىگە بولغاندا شەرتنامە تەشكىلاتى قۇرۇلغان. 1950-يىلى 12-ئايدا، شەرتنامە تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىشلار ئورگىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قوشۇلغان. 1954-يىلى 10-ئايدا، ئىمزالانغان «پارىژ كېلىشىمى» دە بۇ شەرتنامىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، فېدېراتىپ گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە قوبۇل قىلىنغان. 1955-يىل 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، بريۇسسېل شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ نامى غەربىي ياۋروپا ئىتتىپاقىغا رەسمىي ئۆزگەرتىلگەن.

بريۇسسېل يىغىنى

  • بريۇسسېل يىغىنى[يەشمىسى:]1) گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ فاشىزمغا قارشى كۈرەشنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئاچقان ۋەكىللەر يىغىنى. 1935-يىل 10-ئاينىڭ 3-، 10-كۈنلىرى بريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن، يىغىن كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال 7-قۇرۇلتىيىنىڭ قارارلىرىغا ئەمەل قىلىپ، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، پارتىيىنىڭ تاكتىكىلىق لۇشيەنىنى ئۆزگەرتكەن. نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپە ئىشچىلار سىنىپىدىكى ھەرقايسى گۇرۇھلارنىڭ ھەرىكەت بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، فاشىزمغا قارشى خەلق سېپىنى قۇرۇش، فاشىزمنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت، دەپ ھېسابلىغان، پارتىيىنىڭ داھىيسى تېلماننىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ پىكنى پارتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىغان. (2) 1937-يىل 11-ئاينىڭ 3 — 24-كۈنلىرى، جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، پورتۇگالىيە، كانادا، يېڭى زېلاندىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، ھىندىستان، نورۋىگىيە، شۋېتسىيە، دانىيە، مېكسىكا، بولۋىيە ھەم ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان دۆلەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بريۇسسېلدا چاقىرىلغان يىغىن. 1937-يىل 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ياپونىيە لۇگۇچياۋ ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان. شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئىتتىپاققا ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان تاجاۋۇزى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنىڭ «توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى»، «پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى» ۋە «خەلقئارا ئىتتىپاق شەرتنامىسى» گە خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئىتتىپاقتىن «ئىتتىپاق شەرتنامىسى» گە ئاساسەن زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان. خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇلتىيى «توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى» تۈزگەن دۆلەتلەر يىغىنىنى چاقىرىشنى قارار قىلغان ھەمدە يىراق شەرقتە پەۋقۇلئاددە مەنپەئىتى بار باشقا دۆلەتلەرنىمۇ يىغىنغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان. ياپونىيە بىلەن گېرمانىيە يىغىنغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان. جۇڭگو ۋەكىلى گۇۋېيجۈەن يىغىندا ياپونىيىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالاشنى، ياپونىيىگە قەرز پۇل بېرىش ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەر چىقىرىشنى توختىتىشنى ھەمدە جۇڭگوغا ھەربىي ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ياپونىيىگە قارىتا مۇرەسسەچىلىك، ماداراچىلىق مەيدانىنى قوللانغانلىقتىن جۇڭگونىڭ ھەققانىي تەلىپى رەت قىلىنغان. يىغىن ئېلان قىلغان خىتابنامىدە پەقەتلا ياپونىيىگە «توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى» دا بەلگىلەنگەن پرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىش مۇراجىئەت قىلىنغان، شۇنىڭدەك ئاق-قارىنى ئايرىمايلا جۇڭگو، ياپونىيە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ھەم جۇڭگونى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش تىلغا ئېلىنمىغان ھەم ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى چەكلەيدىغان ھېچقانداق بىر تەدبىر قوللىنىلمىغان. بۇنىڭ بىلەن ياپونىيە جۇڭگوغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى تېخىمۇ تەپ تارتماستىن كېڭەيتكەن.

بىسسولاتى-بېرگاماسچى

  • بىسسولاتى-بېرگاماسچى[يەشمىسى:]Leonida Bissolati - Bergamaschi، 1857 — 1920) ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. 1891-يىلى جۇمھۇرىيەتچى سوتسىيالىزمچىغا ئايلانغان. ئىككىنچى يىلى ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان. كېيىن «ئالغا گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان(1896 — 1903-، 1908—1912). 1897-يىلدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، گېئولىتتى (Giovanni Giolitti) لىبېرالىستلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1912-يىلى ئوڭ قانات ئىسلاھاتچىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، لىۋىيىنى ئىستېلا قىلىش ئۇرۇشىنى قوللىغانلىقتىن، سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن چىقىرىلغان. قايتىدىن «سوتسىيالىستلار ئىسلاھات پارتىيىسى» نى قۇرغان بولسىمۇ، ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوتسىيال شوۋىنىزمچىغا ئايلىنىپ كەتكەن ھەمدە بۇرژۇئا ھۆكۈمىتىگە قاتناشقان (1916 — 1918).

بىسكپان خارابىسى

  • بىسكپان خارابىسى[يەشمىسى:] پولشا سۇ ئۈستى قۇرۇلۇش خارابىسى، پولشانىڭ ئوتتۇرا شىمال قىسمىدىكى بىدگوش (Bydgoszcz ياكى БьiдТощ) ئۆلكىسىنىڭ بىسكپان(Biskpan)كۆلىگە جايلاشقان. 1933-يىلى تېپىلغان. يېڭى تاش قورال دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە ئائىت خارابىلەر بولۇپ، ئۆي خارابىلىرى ۋە قەبرىلەر تېپىلغان؛ برونزا قورال دەۋرىگە ئائىت قالدۇقلار تېپىلغان بولسىمۇ لېكىن ئاساسلىقى يەنىلا تۆمۈر قورال دەۋرى خالىستات (Hallstatt) تۆتىنچى مەزگىلىگە ئائىت سۇ ئۈستى قۇرۇلۇشى قەبىلە خارابىلىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇ چاغدا ئۇزۇن رادىئۇسى تەخمىنەن 170 مېتر،قىسقا رادىئۇسى تەخمىنەن 110 مېتر كېلىدىغان ئېللېپسسىمان ئارالدا 100 دىن ئارتۇق ئائىلە ئولتۇراقلاشقان. تۆت ئەتراپى ياغاچ قاشا بىلەن ئورالغان بولۇپ، ئايلانمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 463 مېتر، كۆلىمى 900.6 كۋادرات مېتر كېلىدۇ. ئۆيلەر 13 قاتار قىلىپ سېلىنغان، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئۆيىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى 9×8 مېتر بولۇپ، ئىككى ئېغىزغا بۆلۈنگەن.

بىسمارك

  • بىسمارك[يەشمىسى:]Otto Furst von Bismarck - Schonhausen، 1815 — 1889) پرۇسسىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى (1862 — 1890)، گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ باش ۋەزىرى (1871 — 1890). يۇنكېر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1832-يىلىدىن باشلاپ گىتتىنگېن، بېرلىن داشۆلىرىدە ئوقۇغان. 1835-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مۈلكىي ئەمەلدار بولغان. 1847-يىلى پرۇسسىيە پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1851 — 1858-يىللىرى پرۇسسىيىنىڭ فرانكفۇرت فېدېراتىپ پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان. 1859—1861-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ روسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى ۋە فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1862-يىلى پرۇسسىيە باش ۋەزىرى قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. يۇنكېر پومېشچىكلار ۋە چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىنى تازا كۈچەپ قوغداپ، «تۆمۈر-قان سىياسىتى» نى قوللانغان، زوراۋان ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويغان، پرۇسسىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خاندانلىقلار ئۇرۇشى ئارقىلىق گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان، شۇڭا «تۆمۈر قوللۇق باش ۋەزىر» دەپ نام ئالغان. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ دانىيە ئۇرۇشى (1864)، پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشى (1866) ۋە پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى (1870 — 1871) نى قوزغاپ، گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئورۇندىغان. 1871-يىلى 1-ئايدا، گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، قوشۇمچە ئىمپېرىيە باش ۋەزىرى بولغان. شۇ يىلى پارىژ كوممۇنىسىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. 1878-يىل 10-ئايدا، «سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن» نى جاكارلاپ، ئىشچىلار ھەرىكىتىنى ھەدەپ باستۇرغان.سىرتقا قارىتا چوڭ قۇرۇقلۇق سىياسىتى» نى يولغا قويۇپ، روسىيە بىلەن ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنى ئۆزىگە تارتىپ فرانسىيىنى يەنىمۇ يېتىم قالدۇرۇش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 1873-يىلى گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، روسىيىدىن ئىبارەت ئۈچ پادىشاھلىق ئىتتىپاقىنى تۈزگەن. 1879-يىلى «گېرمانىيە- ئاۋسترىيە ئىتتىپاق شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان، 1882-يىلى يەنە گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، ئىتالىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاق تۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن ياۋروپادا تۇنجى ھەربىي تاجاۋۇزچىلىق گۇرۇھى شەكىللەنگەن. 80-يىللاردا، ئافرىقا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدا مۇستەملىكىچىلىك كېڭەيمىچىلىكنى يولغا قويغان. كېيىن گېرمانىيە كورۇلى ۋىلھېلم Ⅱ بىلەن پىكىردە بىرلىككە كېلەلمىگەنلىكتىن، ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭ «ئەسلىمە ۋە ئوي-پىكىر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

بىكسىئو

  • بىكسىئو[يەشمىسى:]Gerolamo detto Nino Bixio، 1821 — 1873) ئىتالىيە بۇرژۇئا دېموكراتى. گارىبالدىنىڭ سەپدىشى. 1848-يىلى پېمونت پىدائىيلار قوشۇنىغا قاتنىشىپ، ئىتالىيىنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئىككىنچى يىلى رىم جۇمھۇرىيىتىنى قوغداش جېڭىگە قاتناشقان. 1859-يىلى گارىبالدىنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشقان. 1860-يىلى گارىبالدىغا ياردەملىشىپ قىزىل كۆڭلەكلىكلەر يىراققا سەپەر قىلىش قوشۇنىنى تەشكىللەپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كالاتافىمى (Calatafimi) جېڭىگە، پالېرمو (Palermo) ۋە ۋولتورنۇ (Volturnu)لارنى ئىشغال قىلىشقا قاتناشقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىتسىلىيە ئارىلىدىكى دېھقانلارنىڭ فېئوداللىققا قارشى قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1862-يىلى پادىشاھلىق قوشۇنىغا قاتناشقان. 1866-يىلى 6-ئايدا كوستۇزا (Custoza) جېڭىگە قاتناشقان. 1870-يىلى پىدائىيلار قىسمىغا قوماندانلىق قىلىپ رىمنى ئىشغال قىلغان. شۇ يىلىدىن ئېتىبارەن يۇقىرى پالاتا ئەزاسى بولغان. كېيىن سودا جەمئىيىتى قۇرۇپ، يىراق شەرق دېڭىز-ئوكيان ترانسپورتى بىلەن شۇغۇللانغان.

بېكىنى ۋەقەسى

  • بېكىنى ۋەقەسى[يەشمىسى:] فۇكۇمارۇ ياكى كۇبوياما ۋەقەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1954-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكا تىنچ ئوكياندىكى بىكىنى ئارىلى (مارشال تاقىم ئاراللىرىنىڭ شىمالىي بۇرجىكى) ئەتراپىدا ۋودوروت بومبىسى سىنىقى ئېلىپ بارغان، ئوچۇق دېڭىزدا كېتىۋاتقان ياپونىيە بېلىقچى كېمىسى — «فۇكۇمارۇ — بەشىنچى نومۇر» دىكى 23 كېمە خادىمى زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۇبوياما ئايكىچى 9-ئايدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلىپ، ياپونىيە ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغىغانىدى.

بىلاھورا جېڭى

  • بىلاھورا جېڭى[يەشمىسى:] 30 يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە (1618 — 1648) پروتېستانت بىرلەشمە ئارمىيىسى (تەخمىنەن 21 مىڭ كىشى) بىلەن كاتولىك بىرلەشمە ئارمىيىسى (تەخمىنەن 24 مىڭ كىشى) نىڭ 1620-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بىلاھورا(— Bila Hora ئاق تاغ، پراگا شەھىرىنىڭ شىمالىدا) تېغىنىڭ يېنىدا قىلغان ئۇرۇشى. بۇ ئۇرۇشتا كاتولىك بىرلەشمە ئارمىيىسى يەڭگەن. پروتېستانت بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى، چېخ كورۇلى فرىدىرىخ Ⅴ گوللاندىيىگە قېچىپ كەتكەن. چېخ قولدىن كەتكەن.

بىلىمپەرەسلەر جەمئىيىتى

  • بىلىمپەرەسلەر جەمئىيىتى[يەشمىسى:] بۇ شەپقەتچىلەر جەمئىيىتى، ئاق كۆڭۈللەر جەمئىيىتى ۋە شاپائەتچىلەر جەمئىيىتى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ھىندۇنېزىيىدىكى تۇنجى مىللەتپەرۋەر سىياسىي تەشكىلات. 1908-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇرۇلغان (كېيىن بۇ كۈن ھىندۇنېزىيە مىللىتىنىڭ ئويغىنىش بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەن). ئۇنىڭ ئاساسچىسى دوختۇر ۋاھىدىن (Wahidin Sudiro husodo، 1857 — 1917). بۇ جەمئىيەت ياۋا مىللىتىنىڭ ئۆم-ئىتتىپاق بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان، مائارىپ ئارقىلىق ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنى تەشۋىق قىلغان، يېزا ئىگىلىك، سانائەت ۋە سودىنى راۋاجلاندۇرۇشنى، ياۋا سەنئىتى ۋە ئىلىم-پەننى گۈللەندۈرۈشنى، ياۋالاردىن مەمۇرىي ئورگانلاردا ۋەزىپە ئۆتىگۈچىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلغان. 1909-يىلى جەمئىيەت ئەزالىرى كۆپىيىپ ئون مىڭغا يەتكەن، ئۇلار ئاساسەن ئاقسۆڭەكلەر ۋە غەرب تەربىيىسىنى ئالغان زىيالىيلار. 1918-يىلى گوللاندىيە-ھىندۇنېزىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمىتىنىڭ «مىللىي پارلامېنتى» غا قاتناشقان. گوللاندىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارىتا ئىسلاھاتچىلىق مەيدانىنى تۇتقان. 1935-يىلى باشقا بىرنەچچە بۇرژۇئا پارتىيىلىرى بىلەن بۈيۈك ھىندۇنېزىيە پارتىيىسى بولۇپ بىرلەشكەن.

بىمبىسارا

  • بىمبىسارا[يەشمىسى:]Bimbisara)، قەدىمكى ھىندىستان ماگادھا پادىشاھلىقىنىڭ شاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 544— 493). ماگادھا دۆلىتى بارھادراتا (Barhadratha)سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى شاھى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، 15 يېشىدا تەختكە ئولتۇرغان. بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، پايتەخت راجاگدىھا شەھىرى ئەينى زاماندا بۇددا دىنىنى قوغداش ۋە تارقىتىش مەركىزى بولغان. كوسالا، گاندھارا، ئابەنتى ۋە مادالو قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي قوشنىسى ئانگا دۆلىتىنى قورال كۈچى ئىشلىتىپ يۇتۇۋالغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ماگادھا دۆلىتى كۈنسايىن كۈچەيگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ تەۋەلىكىدە 80 مىڭ يېزا-بازار بار ئىكەن. ھەرقايسى يېزىدا يېزا باشلىقىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى يېزا كېڭىشى، مەركەزدە «80 مىڭ يېزا باشلىقى» دىن تەركىب تاپقان چوڭ كېڭەش بولغانىكەن. پۈتۈن مەملىكەتتە قاتتىق كونتروللۇقنى يولغا قويۇپ، مەركىزىي ئاپپاراتلاردا مەمۇرىي، ئەدلىيە، ھەربىي تارماقلارنى تەسىس قىلغانىكەن. كېيىن ئوغلى ئاجاتا ساترۇ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

بىئوندو

  • بىئوندو[يەشمىسى:]Flavio Biondo، 1392 — 1463) ئەدەبىيات-سەنئەت قايتا گۈللەنگەن دەۋردىكى ئىتالىيىنىڭ تارىخچىسى. فورلىدا (Forli ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا) تۇغۇلغان. 1423 — 1432-يىللىرى ۋېنېتسىيىگە كېلىپ ياشىغان. كېيىن رىمغا بېرىپ پاپانىڭ كاتىپى بولغان. مۇھىم ئەسىرى «رىمنىڭ خارابلاشقاندىن بۇيانقى مىڭ يىللىق تارىخى» بولۇپ، جەمئىي 31 توم، مىلادى 410-يىلقى غەربىي گوت پادىشاھى ئالارىخنىڭ رىم شەھىرىنى ئىشغال قىلغان ۋاقتىدىن باشلىنىپ، 1440-يىلغىچە بولغان ۋەقەلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تارىخىي ماتېرىياللارنى پەرق ئېتىشكە، ئېنىقلاشقا پىششىق، ۋەقەلىكنىڭ بايان قىلىنىشى تەپسىلىي ۋە ھەقىقىي يېزىلغان. ئۇ، مىلادى Ⅴ ئەسىردىن ⅩⅤ ئەسىرگىچە بولغان مىڭ يىلنى بىر ئايرىم تارىخىي باسقۇچ دەپ قارىغان. يەنى يۇنان، رىم كلاسسىك مەدەنىيىتى بىلەن ئەدەبىيات -سەنئەت قايتا گۈللەنگەن دەۋر ئارىلىقىدىكى مەزگىلنى «ئوتتۇرا ئەسىرلەر» دەپ ئاتىغان. بۇ ئاتالغۇ بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىق قوللىنىپ كېلىنمەكتە.

بىئېرۇت

  • بىئېرۇت[يەشمىسى:]Boleslaw Bierut، 1892 — 1956) پولشا خەلق جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى (1947 — 1952). پولشا بىرلىككە كەلگەن ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى(1948 — 1954). ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1912-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1918-يىلى كومپارتىيىگە قاتناشقان. 1927-يىلدىن باشلاپ ئۇزاققىچە چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1942-يىلى پولشا ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە مۇشۇ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، پولشا خەلقىنى مىللىي ئازادلىق كۈرىشى ئېلىپ بېرىشقا ئاكتىپلىق بىلەن ئۇيۇشتۇرغان. 1944-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولغان. پولشا ئازاد بولغاندىن كېيىن، 1947-يىلدىن باشلاپ زۇڭتۇڭ بولغان. 1952 — 1954 — يىللىرى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى بولغان؛ 1948-يىلى 9-، 12-ئايلاردا ئىشچىلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان،1948-يىلى 12-ئايدا ئىشچىلار پارتىيىسى بىلەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قوشۇلۇپ، پولشا بىرلىككە كەلگەن ئىشچىلار پارتىيىسىنى تەشكىل قىلغاندىن كېيىن، رەئىس، بىرىنچى سېكرىتار بولغان (1954 — 1956).

بيەنچېن

  • بيەنچېن[يەشمىسى:]«چىنخەن»مۇ دېيىلىدۇ. («ئۈچ خەن»)گە قاراڭ.

بيبلوس خارابىسى

  • بيبلوس خارابىسى[يەشمىسى:]فىنىكىيە دەۋرىدىكى قەدىمكى شەھەر خارابىسى. لىۋاننىڭ پايتەختى بېيروتنىڭ شىمالىدىن تەخمىنەن 30 كىلومېتر يىراقلىقتىكى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ بويىدىكى شەھەر بيبلوس (Byblos). 1921 — 1924-يىللىرى ۋە 1926—1932-يىللىرى قېزىلغان. كونا تاش قورال دەۋرىگە ئائىت تۇرالغۇلارنىڭ ئىزلىرى ۋە يېڭى تاش قورال دەۋرىگە ئائىت تۇرالغۇلارنىڭ خارابىلىرى ھەمدە قەبرىلەر تېپىلغان. برونزا قورال دەۋرىدىن بۇرۇنلا خېلى قېلىن شەھەر سېپىلى بولغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2800-يىللىرى سېلىنغان مۇقەددەس قەسىرلەر فىنىكلار سالغان ئەڭ بۇرۇنقى مۇقەددەس قەسىر بولۇپ، بۇلار كېيىن كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىپ سېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن رىم دەۋرىگە كەلگىچە ئۇلارنىڭ ئورنى قوزغىتىلمىغان.قېزىۋېلىنغان كۆپلىگەن ئويما يېزىقلار ۋە پالېرمو تاش ئويمىلىرى مىسىر بىلەن ئالاقە قىلىشقانلىقىنى، مىسىر كېمە ۋە قەبرە ياساش ھەمدە پۇراقلىق مايلارنى ئىشلەپ چىقىرىشتا زۆرۈر بولغان شەمشاد ماتېرىياللىرىنى بيبلوس تەمىنلىگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان، برونزا قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى قەبرىدىن تېپىلغان «ئاھرام تاش تاۋۇتى» (مىلادىدىن بۇرۇنقى ⅩⅠ— Ⅹ ئەسىرلەر) قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ شەھەر مىلادىدىن بۇرۇنقى 1190-يىلى «دېڭىز ئاھالىلىرى» تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا رىم دەۋرى ۋە ئەھلىسەلىپ دەۋرىگە ئائىت بولغان خارابىلەرنىڭ پارچىلىرى ساقلىنىپ قالغان.

بيۆرىنسون

  • بيۆرىنسون[يەشمىسى:]Sveinn Bjornsson، 1881 — 1952) ئىسلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1944 — 1952). رېيكياۋىكتە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا كوپىنھاگىندا قانۇن ئۆگەنگەن. 1907-يىلدىن كېيىن ئادۋوكاتلىق قىلغان. رېيكياۋىك شەھەرلىك پالاتانىڭ ئەزاسى(1912 — 1920). پالاتا باشلىقى (1918 — 1920). پارلامېنت ئەزاسى (1914 — 1916-، 1920) بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئامېرىكىدا ۋە ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق پەۋقۇلئادە ئەلچى بولۇپ ئەنگلىيە بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈشكە قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىسلاندىيىنىڭ دانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان (1920 — 1924، 1941). 1940-يىلى، ناتسىست گېرمانىيىسى دانىيىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۈچ نۆۋەت ئىسلاندىيىنىڭ مۇۋەققەت ھۆكۈمەت باشلىقى بولغان (1941 — 1943). 1944-يىلى ئىسلاندىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن تۇنجى زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلىنىپ، 1949-يىلى ئۇدا سايلانغان.

بۇئېبلولار

  • بۇئېبلولار[يەشمىسى:](Pueblos)، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىندىئانلار. ئەسلىدە ھازىرقى ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمى ۋە مىكسىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان. ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئۇلارنىڭ ئىمارەتلەر توپىنى بۇ ئېبلو (Pueblo، ئىسپانىيىچە شەھەر — بازار دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇنداق نام ئالغان. ئۇلاردا دېھقانچىلىق خېلى بالدۇرلا بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، كۆپ خىل زىرائەتلەرنى تېرىيالىغان ھەمدە سۇغىرىش سىستېمىسىغا ئىگە بولغان، مۇرەككەپ قۇرۇلۇش تېخنىكىسىنى ئىگىلگەن، توقۇمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ساپال قاچىلار، كۈمۈش ئەسۋابلار. مىس ئەسۋابلارنى ياسىيالىغان. شەرق ۋە غەرب ئىككى تارماققا بۆلۈنگەن بولۇپ، شەرقىي تارمىقىنىڭ سەۋىيىسى بىرقەدەر يۇقىرى، يەنى سىنىپىي جەمئىيەتكە يېقىنلىشىپ قالغان، غەربىي تارمىقى يەنىلا ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنى ساقلاپ قالغان. ⅩⅥ ئەسىردە ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. 1680-يىلى سەردارى پوپې (Pope) نىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتىرىپ، 13 يىلدىن ئۇزاقراق مۇستەقىللىققا ئىگە بولغان. ئۇلار ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا ۋە يېڭى مېكسىكا شتاتلىرىدىكى ساقلانغان رايوندا ياشاپ كەلمەكتە.

بوئىنكارې

  • بوئىنكارې[يەشمىسى:]( Raymomol Poincane، 1860 —1934 0681 - 4391) فرانسىيە 3-جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتوڭى (1913-1920). روربىندىكى بار-لې-دۇك (Bar- Le- duc) شەھىرىىدە تۇغۇلغان، ئۆسمۈرلىك ۋاقتىدا يۇرتىنىڭ گېرمانىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. پارىژ ئۇنىۋېرسال سانائەت مەكتىپى ۋە پارىژ داشۆسىدە ئوقۇغان. 1882-يىلى ئادۋوكات بولغان. 1887-يىلى ئاۋام پالاتاغا كىرگەن. 1893-يىلىدىن باشلاپ مائارىپ مىنىستىرى، مالىيە مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1903-يىلى كېڭەش پالاتاسىغا كىرگەن. 1912-يىلى 1-ئايدىن 1913-يىلى 1-ئايغىچە زۇڭلى قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ، فرانسىيىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقىنى ۋە فرانسىيە — روسىيە، فرانسىيە-ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنى تىرىشىپ كۈچەيتكەن. 1913-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ، ھۆكۈمەت سىياسىتىگە ۋە قانۇن تۈزۈش پائالىيەتلىرىگە بىرقەدەر زور تەسىر كۆرسەتكەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا ئاكتىپ تەييارلىق كۆرگەن ۋە قاتناشقان. 1917-يىلى سىياسىي دۈشمىنى كېمېنتىئا ئۇنى مىنىستىرلار كابىنېتنى تەشكىللەپ، ئۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىشقا تەيىنلىگەن. 1920-يىلى زۇڭتۇڭلۇق مۇددىتى توشۇپ، كېڭەش پالاتاسىغا قايتىپ كەلگەن. بىر مەزگىل ئۇرۇش چىقىمى تۆلەش كومىنتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1922 — 1924-يىللاردا «مىللىي ئىتتىپاق» ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەپ، قايتىدىن زۇڭلى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ۋە گېرمانىيە تۆلەم پۇلىنى تۆلەش توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى، دېگەننى باھانە قىلىپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ 1923-يىلى 1-ئايدا لورغا بېسىپ كىرىشىگە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. 1926-يىلى 7-ئايدا يەنە زۇڭلى قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى بولۇپ، پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنى ھەل قىلغان. 1929-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ئىستېپا بەرگەن. «فرانسىيىگە خىزمەت قىلىش» دېگەن ئەسلىمىسى بار.

بۇتخانا ۋە دىنىي جەمئىيەت بېگى

  • بۇتخانا ۋە دىنىي جەمئىيەت بېگى[يەشمىسى:] ياپونىيە شوگناتلىقىدىكى دىنىي ئىشلارنى باشقۇرغۇچى مەمۇرىي مەنسەپ، بۇتخانا— بۇددا دىنى بۇتخانىسىنى، دىنىي جەمئىيەت — ئىلاھىي جەمئىيەتنى كۆرسىتىدۇ. كاماكۇرا دەۋرىدە تەسىس قىلىنغان. ئاساسەن، بارگاھقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ بۇتخانا ۋە دىنىي جەمئىيەتلىرىنى نازارەت قىلغان. دەسلىپىدە مەمۇرىيەت قارىمىقىدىكى دائىملىق بولمىغان مەنسەپ بولغان؛ تىسۇرۇئوكاياخاتا ئوردىسى ۋە ئېفۇكۇ ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلاردىمۇ بۇ مەنسەپ تەسىس قىلىنغان. 1293-يىلى خوجو توكىتسۇرا بۇ مەنسەپكە تەيىنلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە روكوخارادىكى تاندانىڭ قول ئاستىدىمۇ بۇ مەنسەپ تەسىس قىلىنىپ، پايتەخت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ بۇتخانا ۋە دىنىي جەمئىيەتلىرىنى باشقۇرغان. مۇروماچى دەۋرىدە بۇ تۈزۈم داۋاملاشتۇرۇلۇپ، كېيىن بۇتخانا بېگى، دىنىي جەمئىيەت بېگى دەپ ئايرىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسلىق بۇتخانا ۋە دىنىي جەمئىيەتلەردىمۇ بەگ تەسىس قىلىنغان. ئېدونىڭ ئالدىنقى دەۋرىدە رىنزەي راھىبى ئىسخىن تاكاشى تىسۇتائى ۋە كىيوتو مەھكىمىسىنىڭ ۋەكالەتچىسى كۇراكاتسۇشىگې قاتارلىقلار بۇتخانا ۋە دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرغان. 1635-يىلى بۇتخانا ۋە چېركاۋ بېگى تەسىس قىلىنىپ، بارگاھ ۋەزىرى ئۇنىڭغا تەيىنلەنگەن. بىرىنچى باشلىقلىققا بولسا پېشقەدەم ۋەزىر سائى ئوكتىنا تەيىنلەنگەن. تۆت كىشىدىن تەركىب تېپىپ، بىۋاسىتە سىياگۇنغا قارىغان. ئورنى بازار بېگى، ئەرز-دەۋا بېگىدىن يۇقىرى بولغان. بۇتخانا ۋە چېركاۋ ھەمدە بۇلارغا قاراشلىق بولغان جايلارنىڭ مەمۇرىي، ئەدلىيە، راھىب-راھىبە، دىنىي ئەمەلدار، مۇزىكانت، شاھماتخانا قاتارلىقلارنى نازارەت قىلغان ھەمدە كانتونىڭ سىرتىدىكى ۋە خاتا موتو زېمىنلىرىدىكى ئەرز-دەۋا ئىشلىرىغا ھۆكۈم قىلغان، قوشۇمچە ئەدلىيە ئورگىنى خاراكتېرىگىمۇ ئىگە بولغان.