ي🔗

ي

يابغۇ

ياپراقچە تاش قورال

ياپونىيە ئالىملار يۇرتى

ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسى

ياپونىيە-ئامېرىكا دوستلۇق سودا شەرتنامىسى

ياپونىيە-ئامېرىكا ئورتاق ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىك شەرتنامىسى

ياپونىيە-ئامېرىكا يارىشىش شەرتنامىسى

ياپونىيە ئەمگەكچىلەر باش ئىتتىپاقى

ياپونىيە-تايلاند ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى

ياپونىيە كېيىنكى خاتىرىسىنىڭ داۋامى

ياپونىيە خەلق ئازادلىق ئىتتىپاقى

ياپونىيە سوتسىيالىزم ئىتتىپاقى

ياپونىيە-روسىيە سۈلھ كېلىشىمى

ياپونىيە غەيرىي رەسمىي تارىخى

ياپونىيە كېيىنكى خاتىرىلىرى

ياپونىيە كىتابلىرى

ياپونىيە ئۆزلەشتۈرۈش ھەسسىدارلىق شىركىتى

ياپونىيىلىكلەرنىڭ ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى

يادرو قوراللىرى سىنىقىنى قىسمەن مەنئى قىلىش شەرتنامىسى

يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش شەرتنامىسى

ياروسلاۋ

ياروسلاۋ قانۇنى

يازاتىنكيان

يازۇن

ياسالغان تاش قورال

ياساۋۇل مەھكىمىسى

ياسۇدا مالىيە زومىگىرى

ياسۇماسا جاھالەتچىلىكى

ياسۇماسا توختىمى

ياسۇموتو توپىلىڭى

ياسى سۈلھ شەرتنامىسى

ياشارتېس

ياش ئافغانىستانچىلار

ياش ئاۋسترىيە

ياش-ئەزىمەت چېخلار گۇرۇھى

ياش تۈركىيە پارتىيىسى

ياش گۋاردىيە

ياش گېرمانىيە

ياش گېگېلچىلار

ياشلار كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالى

ياش ئىتالىيە پارتىيىسى

ياش ياۋروپا

ياغاچ ئات ھىيلىسى

ياغاچ قەبرە مەدەنىيىتى

ياكوب روگگېۋېن

ياكوبىن پارتىيىسىدىكىلەر دېلوسى

ياكوبىن ئاساسىي قانۇنى

ياكوبىن دىكتاتۇرىسى

ياكوبىن كۇلۇبى

ياكوبىنچىلار

ياكوت

ياگېللو

ياگېللون خاندانلىقى

ياڭ-لاۋ (يورو) ئەمر-پەرمانلىرى

يالاڭتۆشلەر

يالىڭاياغلار قوزغىلىڭى

يالتا كېلىشىمى

يالتا يىغىنى

يالغان دمىتىرىيⅡ

ياماتو دۆلىتى

ياماتو دۆلىتى

ياماتو دۆلىتى

ياماماتوگوننوخيو

ياماچى تويۇنۇبۇ

ياماچى ئىرۇرۇ

ياماكا تابانمومو

ياماكاۋا خېتوشى

ياماگاتا ئارىتومو

ياموموتوسىئوروكى

يانچىلىق تۈزۈم ئىسلاھاتى

يانكې

يانۇس

ياۋا

ياۋا دۋىپا

ياۋا ئۇرۇشى

ياۋايىلار

ياۋايى مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشى

ياۋايىلىق دەۋرى

ياۋروپا ئەركىن سودا ئىتتىپاقى

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق يىغىنى

ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى

ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى

يەتتە پادىشاھ

يەتتە تۇرار جاي ئۇرۇشى

يەتتە چوڭ فېئوداللار ھۆكۈمىتى

يەتتە دۆلەت دەۋرى

يەتتە ھەپتىلىك ئۇرۇش

يەتتە ئىدىر

يەتتە يۇلتۇز ئىلاھى

يەتتە يىللىق ئۇرۇش

يەر بېرىش قانۇنى

يەر بېجى

يەر بېجى ئىسلاھاتى

يەر پەرمانى

يەر تەكشۈرۈش

يەر تەڭشەش قانۇنى

يەر تۈزۈمىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ بېكىتىش باشقارمىسى

يەر تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلغۇچىلار

يەر چىتلاش ھەرىكىتى

يەر-جاي قانۇنى

يەر كوممۇناسى

يەرلەرنى قايتىدىن بۆلۈش پارتىيىسى

يەرلەرنى قورشىۋېلىشقا قارشى تۇرۇش نىزامى

يەرلىك پۇقرا

يەرلىك دورا ئۆسۈملۈكلىرى توپلىمى

يەرنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ تېرىش تۈزۈمى

يەرنى ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ تېرىش تۈزۈمى

يەر ۋە ئەركىنلىك جەمئىيىتى

يەككە باج نەزەرىيىسى

يەككىچىلىك

يەھۇدىي پادىشاھلىقى

يەھۇدىي دىنى

يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرغۇچىلار

يەھۇدىيلار ئۇرۇشى

يەھۋا

يەھياخان Agha

يوئانⅡ

يوئانⅢ

يوئان Ⅵ (كانتاكۇزېن)

يوتېكورانىشو توپىلىڭى

يوردان

يورىكا قوزغىلىڭى

يورك خاندانلىقى

يوسانو ئاكىكو

يوسېف

يوسې مانكىسدور

يوشمۇرا توراتارو

يوشىدا شىگېرو

يوشىداشۇئىن

يوشىچى ئۇيۇشمىسى

يوشىداشۇئىن

يوشىچى ئۇيۇشمىسى

يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقى

يولىئوت كيۇرې

يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى

يۇنان (قەدىمكى زامان)

يونكىرلار ۋەقەسى

يوھان فرۇن ھەرىكىتى

يوھاننېسⅣ

يۇپىتېر

يۇتلار

يۇتېئوبانگو ئۆزگىرىشى

يۇدا

يۇدېنىچ

يۇرتدارچىلىق قانۇنلىرى

يۇرتدارچىلىق ئۆرنەكلىرى

يورۇق بىنا ۋەقەسى

يۇستىنىئان

يۇستىنىئان قانۇنى

يۇستىنىئان قانۇنلىرى توپلىمى

يۇقىرى ئاۋسترىيە دېھقانلىرىنىڭ قوزغىلىڭى

يۇقىرى لوررېن كىنەزلىكى

يۇگۇرتا ئۇرۇشى

يۇگېرۇم

يۇڭ تارىغۇچى ئىشچىلار قوزغىلىڭى

يۇلىئان (بىدئەت)

يۇلتۇزلۇق زال سوتى

يۇم

يۇنان ئەپسانىلىرى

يۇنان بۈيۈك كولونىيىسى

يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى

يۇنان تارىخى

يۇنان-رىملىق مەشھۇر زاتلار تەرجىمىھالى

يۇنان كالېندارى

يۇنانلىشىش دەۋرى

يۇنانلىق يەتتە دانىشمەن

يۇنان مەدەنىيىتى (قەدىمكى زامان)

يۇنكېر

يۇنگ

يۇنگ پىلانى

يۇنمىنشەن قوزغىلىڭى

يۇنو

يۇنوكاۋا خىدېكى

يۇنۇ

يۇنۇس ئەمرە

يونۇش قوراللىرى

يۇيۇنجىڭ

يۇتلاندىيە دېڭىز ئۇرۇشى

يۈەنتيەن شۇرېن (خارادا يوشىتو)

يۈەنجىڭ (كوگېئۇيا)

يۈەنرىن

يۈەنشەن ئومۇمىي ئىش تاشلىشى

يۈز كۈنلۈك خاندانلىق

يۈز كىشىلىك پرولېتارلار ئىتتىپاقى

يۈز يىللىق ئۇرۇش

يېدياۋ دۆلىتى

يېرىكو

يېرىم ئارال ئادەملىرى

يېرىم ئارال ئۇرۇشى

يېرماك تىموفېيېۋىچ

يېزا جامائەسى

يېزا كوممۇنىسى

يېزا مەھكىمىسى

يېزا ئىگىلىك سوتسىيالىزمى

يېزا ئىگىلىكىنى تەرتىپكە سېلىش قانۇنى

يېزدگېردⅢ

يېسپېرسېن

يېسېنىن

يېشىل قەغەز پۇل

يېشىل يەكتەكلىك ئەرەبلەر

يېشىللار پارتىيىسى

يېشىل لايىھە

يېغىلىق دەۋرى

يېقىنقى زامان

يېقىنلىشىشقا بولمايدىغانلار

يېكاتېرىناⅡ

يېكۇ يېڭىشى (نوگوخىدېيو)

يېگوروۋ

يېڭى ئاساسىي نىزام پارتىيىسى

يېڭى ئاقسۆڭەك

يېڭى ئەنگلىيە

يېڭى ئەنگلىيە ئىتتىپاقى

يېڭى تارىخشۇناسلىق ئېقىمى

يېڭى تاش قوراللار دەۋرى

يېڭى تۈزۈلگەن فامىلىلەر توپلىمى

يېڭى جەنۇبىي ئۇئېلىس ئامانلىقنى ساقلاش ئەترىتى

يېڭى رۇەن

يېڭى رېين گېزىتى

يېڭى ستوئىكچىلار

يېڭى سىياسەت

يېڭى شەرق سىياسىتى

يېڭى كارفاگېن

يېڭى گرانادا باش ۋالىيسىغا قاراشلىق رايون

يېڭى گرانادا شەھەر ئاھالىسى قوزغىلىڭى

يېڭى گۇلف پارتىيىسى

يېڭىلمەس فلوت

يېڭى نەمۇنىلىك ئارمىيە

يېڭى ئوسمان جەمئىيىتى

يېڭى ھەمكارلىق كەنتى

يېڭى ۋەتەن پارتىيىسى

يېڭى ئېرا

يېڭى ئىسپانىيە باش ۋالىيسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايون

يېڭى ئىسكراچىلار

يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەت

يېڭى ئىنسان

يېڭى يەر ئېچىش

يېڭى ياكوبىنچىلار

يېلاچىچ

يېلوي رۇڭ تەيلاڭ (نوروسې تارا)

يېنا جېڭى

يېننى ماركس

يېۋرېيلار

يىپەك يولى

يىپسىمان يېزىق

يىجىڭ سوۋېت ھەرىكىتى

يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتىنىڭ سوت قىلىشى

يىراق شەرق ميۇنخېنى

يىرۇدىنگام

يىشياڭ مەزھىپى قوزغىلىڭى

يىغىش ئىگىلىكى

يىللار

يىللار خاتىرىسى

يىن جۇەن

يىن جۈنليۇ (خاتا شۇنروكۇ)

يىن جژخاۋ

يىن يۇەنخېڭ

يىئەن، خىجىڭ سوۋېت ھەرىكىتى

ئىزاھى

يابغۇ

  • يابغۇ[يەشمىسى:]قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇلۇغ توخرىيلارنىڭ قەبىلە سەردارلىرىنىڭ نامى. «كېيىنكى خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە يېزىلىشىچە، ئۇلۇغ توخرىيلار بەش يابغۇلۇققا بۆلۈنگەن. ئۇلاردىن كۇشان يابغۇسى كۇجۇلا كادفىس كۈچىيىپ، باشقا تۆت يابغۇلۇقنى يوقىتىپ، ئۆزىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، كۇشان پادىشاھلىقىنى قۇرغان.

ياپراقچە تاش قورال

  • ياپراقچە تاش قورال[يەشمىسى:]ئارخېئولوگىيىلىك ئاتالغۇ. بىر پارچە تاش بىلەن تاش ماتېرىياللارنى چاققاندا پارچىلانغان ھەرخىل شەكىلدىكى، سىلىق تاش پارچىلىرى ياپراقچە تاش دەپ ئاتىلىدۇ. مۇشۇنداق تاشتىن پىششىقلاپ ياسالغان تاش قورال-سايمانلىرى — ياپراقچە تاش قورال دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن: قىرغۇچ، يونۇغۇچ، ئۇچلۇق قورال، ئىككى بىسلىق قورال ۋە ئويۇش قوراللىرى قاتارلىقلار.

ياپونىيە ئالىملار يۇرتى

  • ياپونىيە ئالىملار يۇرتى[يەشمىسى:]ياپونىيىنىڭ ئەڭ ئالىي ئىلىم-پەن ئورگىنى. تەكتى توكيو ئالىملار جەمئىيىتى يۇرتى ۋە ئىمپېرىيە ئالىملار يۇرتى ئىدى. 1879-يىلى، ياپونىيە فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنى تەقلىد قىلىپ، توكيو ئالىملار جەمئىيىتى يۇرتىنى قۇرۇپ چىققان. 1906-يىلى ئىمپېرىيە ئالىملار يۇرتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1947-يىلى ياپونىيە ئالىملار يۇرتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1949-يىلى ياپونىيە ئىلىم-پەن يىغىنىغا قارىغان، 1956-يىلى ئىلىم-پەن يىغىنىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇپ، بىۋاسىتە مەدەنىيەت ۋازارىتىگە قارايدىغان بولغان. 150 ئەزاسى بولۇپ، بۇلارنى ئالىملار يۇرتى تاللاپ بېكىتىپ، ئۆمۈرلۈك ئەزا بولۇپ، ھەر يىلى بەلگىلىك ئىش ھەققى ئالغان. ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن دەپ ئىككى بۆلۈمگە بۆلۈنگەن. ئىجتىمائىي پەن بۆلۈمىدە بىرىنچى تارماق پەن (ئەدەبىيات، پەلسەپە، تارىخ)، ئىككىنچى تارماق پەن (قانۇنشۇناسلىق، سىياسىيشۇناسلىق) ۋە ئۈچىنچى تارماق پەن (ئىقتىسادشۇناسلىق، سودا ئىلمى) تەسىس قىلىنغان، تەبىئىي پەن بۆلۈمىدە تۆتىنچى تارماق پەن (فىزىكا)، بەشىنچى تارماق پەن (سانائەت ئىلمى)، ئالتىنچى تارماق پەن (يېزا ئىگىلىك ئىلمى)، يەتتىنچى تارماق پەن (تىبابەتچىلىك، دورىگەرلىك، چىش ئىلمى) تەسىس قىلىنغان، ھەرقايسى پەنلەر تەتقىقاتىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، ئالىملار يۇرتى ھەر يىلى ئىلمىي باھالاش ئېلىپ بېرىپ، ئىلىم-پەنگە زور تۆھپە قوشقانلارغا ئالىملار يۇرتى مۇكاپاتى بېرىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە مۇنەۋۋەر بولغانلارغا پادىشاھ جەمەتى خەير-ئېھسان مۇكاپاتى بەرگەن. 

ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسى

  • ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسى[يەشمىسى:]تولۇق ئاتىلىشى «ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتنامىسى»، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئىمزالىغان ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى. 1951-يىل 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىمزالانغان. 1952-يىل 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان. شەرتنامە جەمئىي بەش ماددا بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى: ئامېرىكا-ياپونىيە دۆلىتى ئىچىدە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىلىرىنى تۇرغۇزۇشقا ھوقۇقلۇق بولۇش؛ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيە خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەشلىرىنى باستۇرۇشىغا ياردەمدە بولۇش؛ ئامېرىكىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ياپونىيە ھەرقانداق بازىنى ھەرقانداق ئۈچىنچى دۆلەتكە بەرمەسلىك؛ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشىدىكى شەرتلەرنى ياپونىيە-ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەمۇرىي كېلىشىم ئارقىلىق بەلگىلەپ چىقىشتىن ئىبارەت. ياپونىيە-ئامېرىكا ھەربىي ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 1958-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ، ياپونىيە-ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى «ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» گە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، 1960-يىلى 1-ئايدا «ياپونىيە-ئامېرىكا يېڭى بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. «ياپونىيە-ئامېرىكا ئورتاق ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» غا قارالسۇن.

ياپونىيە-ئامېرىكا دوستلۇق سودا شەرتنامىسى

  • ياپونىيە-ئامېرىكا دوستلۇق سودا شەرتنامىسى[يەشمىسى:]ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا تۈزگەن پورتلارنى ئېچىپ، سودا قىلىش شەرتنامىسى. ئانسېي بەش دۆلەت شەرتنامىلىرىنىڭ بىرى. «ياپونىيە-ئامېرىكا يارىشىش شەرتنامىسى» ئىمزالانغاندىن كېيىن، 1856-يىلى ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى خاررىس (Harris) ياپونىيىنىڭ شىمودا دېگەن يېرىگە كەلگەن، ئىككىنچى يىلى ئېدوغا بېرىپ، سىياگۇن توكۇگاۋا ئېسادانى زىيارەت قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سودا شەرتنامىسى تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۇزاق سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، 1858-يىل 7-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ شەرتنامە ئىمزالانغان. جەمئىي 14 ماددا بولۇپ، قوشۇمچە سودا نىزامنامىسى يەتتە ئىدى. شەرتنامىگە ئاساسەن، شىمودا، ھاكوداتې پورتلىرىدىن باشقا، ياپونىيە كاناگاۋا، ناگاساكى، نىئىگاتا، خىيوگودىن ئىبارەت تۆت پورت (كاناگاۋا ئالتە ئاي ئېچىپ بېرىلگەندىن كېيىن، شىمودا پورتى ئېتىۋېتىلىدۇ) ۋە ئوساكا ھەمدە ئېدو شەھىرىنى كۆپەيتىپ ئېچىپ بېرىش؛ ئامېرىكىلىقلار ياپونىيىلىكلەر بىلەن ئەركىن سودا قىلىش، ياپونىيە ئەمەلدارلىرى ئارىلاشماسلىق، ياپونىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئامېرىكىلىقلار دىنغا ئەركىن ئېتىقاد قىلىش، مۇۋاپىق جايغا چېركاۋ سېلىش ھوقۇقى بولۇش؛ ياپونىيە جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان ئامېرىكىىقلارنى ئامېرىكا كونسۇل سوتى سوتلاپ، ئامېرىكا قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش؛ ئېكسپورت قىلىنىدىغان ياپونىيە ماللىرىدىن 5% باج ئېلىش، ئىمپورت قىلىنىدىغان ئامېرىكا ماللىرى ئىچىدە ھاراق تۈرلىرىدىن 53% باج ئالغاندىن باشقا، قالغانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدىن پەقەت 5% باج ئېلىش. شۇ يىلى 01 - 8-ئايلاردا، ياپونىيە يەنە ئىلگىرى-كېيىن گوللاندىيە، روسىيە، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە بىلەن مەزمۇنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان شەرتنامىلەرنى ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامىلەر ياپونىيىنى يېرىم مۇستەملىكە گىردابىغا ئېلىپ بېرىپ، ياپونىيىنىڭ تىننونى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش ھەرىكىتىنى كەسكىنلەشتۈرگەن. 

ياپونىيە-ئامېرىكا ئورتاق ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىك شەرتنامىسى

  • ياپونىيە-ئامېرىكا ئورتاق ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىك شەرتنامىسى[يەشمىسى:] ئومۇمىي نامى «ياپونىيە-ئامېرىكا يېڭى بىخەتەرلىك شەرتنامىسى». ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ «ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسى»نى ئىمزالىغاندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى. 1960-يىل 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىمزالىنىپ، 6-ئاينىڭ 23-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. شەرتنامە جەمئىي ئون ماددا بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى: ئامېرىكا ياپونىيىدە قوشۇن تۇرغۇزۇش ۋە ھەربىي بازىلاردىن پايدىلىنىشقا داۋاملىق ھوقۇقلۇق بولۇش؛ ئامېرىكا-ياپونىيە دۆلەتلىرى «ئۈنۈملۈك ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىشىش» ئارقىلىق «ئۆزلىرىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە ئاشۇرۇش»؛ ياپونىيە زېمىنىدا ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ھەرقانداق بىر تەرەپ قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ھەر ئىككى تەرەپ «ھەرىكەت قوللىنىپ، ئورتاق كرىزىسكە تاقابىل تۇرۇش»؛ شەرتنامىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى ئون يىل بولۇشتىن ئىبارەت. شەرتنامىنىڭ ۋاقتى توشقاندا، 1970-يىل 6-ئاينىڭ 23-كۈنى، ساتوئېساكۇ كابىنېتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلىپ، بۇ شەرتنامىنىڭ ۋاقتىنى ئۆزلۈكىدىن ئۇزارتقانلىقىنى جاكارلىغان.

ياپونىيە-ئامېرىكا يارىشىش شەرتنامىسى

  • ياپونىيە-ئامېرىكا يارىشىش شەرتنامىسى[يەشمىسى:] ئامېرىكا-ياپونىيىنى مەجبۇرلاپ ئىمزالاتقۇزغان دۆلەتنى ئېچىۋېتىش شەرتنامىسى، كاناگاۋادا ئىمزالانغانلىقتىن «كاناگاۋا شەرتنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1853-يىلى 7-ئاي ۋە 1854-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكا شەرقىي ھىندىستان فلوتىنىڭ قوماندانى پېررىي (Matthew Calbraith Perry) ئىككى قېتىم فلوتنى باشلاپ ياپونىيىگە بېسىپ كىرىپ، شوگناتتىن پورتلارنى ئېچىۋېتىپ سودا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. قوراللىق تەھدىت ئاستىدا، ياپونىيە 1854-يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئامېرىكا بىلەن بۇ شەرتنامىنى تۈزگەن. جەمئىي 12 ماددا بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى: ياپونىيە شىمودا، ھاكوداتى پورتىنى ئېچىۋېتىپ، ئامېرىكا پاراخوتلىرىدىكى خادىملارنى يېمەكلىك، كۆمۈر قاتارلىق زۆرۈر بۇيۇملار بىلەن تەمىنلەش؛ ئامېرىكا شىمودادا كونسۇل تۇرغۇزۇش ھەمدە ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەتلىك ئورۇندىن بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت. بۇ شەرتنامە ئىككىنچى يىلى 2-ئايدا تەستىقلانغان. شەرتنامە ئىمزالانغاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە، ياپونىيە ئىلگىرى-كېيىن ئەنگلىيە، روسىيە ۋە گوللاندىيە بىلەن مەزمۇنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان شەرتنامىلەرنى ئىمزالىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ياپونىيىنىڭ دۆلەتنى سىرت بىلەن ئالاقە قىلدۇرماسلىق تۈزۈلمىسى ئومۇميۈزلۈك گۇمران بولغان.

ياپونىيە ئەمگەكچىلەر باش ئىتتىپاقى

  • ياپونىيە ئەمگەكچىلەر باش ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] قىسقارتىلىپ باش ئىتتىپاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياپونىيىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭ ئاساسى دوستلار ئۇيۇشمىسى بولۇپ، 1921-يىلى ھازىرقى ئىسمىنى قوللانغان. 1924-يىلىدىن باشلاپ ئىچكى قىسمىدىكى ئىككى گۇرۇھ بىر-بىرى بىلەن قارشىلاشقان. 1925-يىلى سولچىلار باش ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىقىپ، ياپونىيە ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى مەسلىھەتلىشىش باھالاش ئۇيۇشمىسى (قىسقارتىلغان نامى «مەسلىھەتلىشىش باھالاش جەمئىيىتى») نى قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن باش ئىتتىپاقتا ماتسۇئوكا كوماكىچى (1888 — 1958) قاتارلىق ئوڭچىلار ئەمەلىي ھوقۇقنى ئىگىلەپ، ئىشچىلار ھەم كاپىتالىستلارنىڭ ھەمكارلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. پارتىيە پائالىيەت جەھەتتىمۇ ئەمگەكچى دېھقانلار پارتىيىسىدىن ئايرىلىپ، ئاۋام سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى ئۇيۇشتۇرغان. 1936-يىلى «مەملىكەتلىك ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى ئىتتىپاقى» (قىسقارتىلغان نامى «مەملىكەتلىك ئەمگەكچىلەر») بىلەن قوشۇلۇپ، «پۈتۈن ياپونىيە ئەمگەكچىلەر باش ئىتتىپاقى» (قىسقارتىلغان نامى «پۈتۈن ياپونىيە باش ئىتتىپاقى») نى قۇرغان. 1940-يىلى ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەن.

ياپونىيە-تايلاند ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى

  • ياپونىيە-تايلاند ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى[يەشمىسى:] «ئون يىللىق ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1941-يىل 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ياپونىيە بىلەن تايلاند ئىمزالىغان ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى. ئاساسىي مەزمۇنى: تايلاند ئارمىيىسى قارشىلىق كۆرسىتىشنى توختىتىپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ تايلاند زېمىنىدىن تىنچ ئۆتۈۋېلىشىغا يول قويۇشتىن ئىبارەت. شەرتنامىدە بىر مەخپىي كېلىشىمنامىمۇ بولۇپ، ئۇنىڭدا ياپونىيە تايلاندقا ⅩⅨ ئەسىردە ئەنگلىيە، فرانسىيە ئىگىلىۋالغان زېمىنىنى ئېلىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش، تايلاند ئۇرۇش داۋامىدا ياپونىيىگە ياردەملىشىپ، ئەنگلىيە، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشقا ۋەدە بېرىش بەلگىلەنگەن. 1942-يىل 1-ئاينىڭ 25-كۈنى تايلاند ئەنگلىيە، ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان. شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى لۇەن پىۋېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش پەيدا قىلىپ، ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارىتا قارشىلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن مالىيە مىنىستىرى ھۆكۈمەتتىن چىقىپ كەتكەن.

ياپونىيە كېيىنكى خاتىرىسىنىڭ داۋامى

  • ياپونىيە كېيىنكى خاتىرىسىنىڭ داۋامى[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ تارىخ كىتابى. «ياپونىيە كېيىنكى خاتىرىسى» دىن كېيىن تۈزۈلگەن يىلنامە. 20 توملۇق. فۇجىۋارا ماكاتوشىۋا (804—872) قاتارلىقلار تۈزگەن. مىلادى 869-يىلى (ياپونىيىنىڭ جېنگۇەن 11-يىلى) يېزىلىپ پۈتكەن. 833-يىلى تېننو (رېنمىڭنىڭ تەختكە چىقىشى) دىن 850-يىلى (جياشياڭنىڭ 3-يىلى) دەپنە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەنگە قەدەر بولغان 18 يىلنىڭ ئەينى خاتىرىسى بولۇپ، پىڭئەننىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا، ئاساسلىق تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ياپونىيە خەلق ئازادلىق ئىتتىپاقى

  • ياپونىيە خەلق ئازادلىق ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇزچىلىق قىلىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جۇڭگودىكى ياپونىيە ئەسكەرلىرىدىن تەركىب تاپقان ئۇرۇشقا قارشى تەشكىلات. 1939-يىلدىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ ئەسىرگە چۈشكەن بىر بۆلۈك ئەسكەرلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە 8-ئارمىيىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، ئارقا-ئارقىدىن «ئويغىنىش ئىتتىپاقى»، «ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى» نى تەشكىللىگەن. 1942يىلى 8-ئايدا، «ئويغىنىش ئىتتىپاقى»، «ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئىتتىپقى» قاتارلىق ئۇرۇشقا قارشى تەشكىلاتلار بىرلىشىپ، «جۇڭگودىكى ياپونىيىلىكلەر ئۇرۇشق قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى شىمالىي جۇڭگو بىلەشمىسى» نى قۇرۇپ چىققان. 1944-يىلى 4-ئايدا، بۇ بىرلەشمە «ياپونىيە خەلق ئازادلىق ئىتتىپاقى» دەپ ئۆزگەرتىلىپ، ئۇرۇشنى بۇرۇنراق ئاخىرلاشتۇرۇش، ھەربىي مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە ئەركىن، دېموكراتىك يېڭى ياپونىيە قۇرۇش قاتارلىق پروگراممىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ياپونىيە ئارمىيىسىدە ئاكتىپلىق بىلەن ئۇرۇشقا قارشى تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنى پارچىلاشتا بەلگىلىك رول ئوينىغان. 1945-يىلى 4-ئايغا بارغاندا، شىمالىي ۋە ئوتتۇرا جۇڭگودا جەمئىي 21 ياچېيكا قۇرۇلغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتقان.

ياپونىيە سوتسىيالىزم ئىتتىپاقى

  • ياپونىيە سوتسىيالىزم ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] ياپونىيە سوتسىيالىزم تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن بىرلەشمە تەشكىلاتى. 1920-يىلى 12-ئايدا دوستلار ئۇيۇشمىسى، ئىشەنچلىك دوستلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئىشچىلار تەشكىلاتلىرى، يېڭى كىشىلەر ئۇيۇشمىسى، خەلقنى ئويغىتىش ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى، پۇقرالار ئۇنىۋېرسىتېتى، مەدەنىيەت ئىلمىي جەمئىيىتى قاتارلىق مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرى تەشەببۇس قىلىپ قۇرۇپ چىققان. قاتناشقانلار 1300 كىشى بولۇپ، سوتسىيالىزمچىلاردىن ساكاي توشخىكو، ياماكاۋاختوشى، ھۆكۈمەتسىزلىك تەرەپدارلىرىدىن ئوسۇگى ساكاي، كوندوكېنجى قاتارلىقلار مەركىزىي شەخسلىرى ئىدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ نىشانى تۇتۇق، ئىدىيىسى خىلمۇ خىل بولسىمۆ، لېكىن ئۇ ئىلغار ئىشچىلار بىلەن سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، تۇنجى قېتىم سىياسىي كۈرەش يولىغا مېڭىپ، ئالاھىدە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. 1920-يىلى 5-ئايدا تارقىتىۋېتىلگەن.

ياپونىيە-روسىيە سۈلھ كېلىشىمى

  • ياپونىيە-روسىيە سۈلھ كېلىشىمى[يەشمىسى:] ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپونىيە بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئاشكارا ياكى مەخپىي سىياسىي كېلىشىم، ئىلگىرى-كېيىن تۆت قېتىم ئىمزالانغان. (1) 1907-يىل 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ياپونىيىنىڭ روسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھوننۇئىچىرو (1862 — 1918) بىلەن چارروسىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىزۋولىسكىي (Александп Петрович Иэвольский، 1856 — 1919) پېتېربۇرگدا ئىمزالىغان. ئىككى دۆلەت شەرقىي ئاسىيانىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاش ۋە جۇڭگو زېمىنىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى ئاشكارا جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن مەخپىي شەرتنامىدە ياپونىيە روسىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنىڭ شىمالىدىكى ۋە تاشقى موڭغۇلىيىدىكى ئالاھىدە مەنپەئىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى، روسىيە ياپونىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋە چاۋشيەندىكى ئالاھىدە مەنپەئىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. (2) 1910-يىل 7-ئاينىڭ 4-كۈنى يەنىلا ھوننو بىلەن ئىزۋولىسكىي ئىمزالىغان. ئامېرىكا مانجۇرىيە (جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى) تۆمۈريولىنى بىتەرەپ قىلىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن، ئىككى تەرەپ بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاش ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ تۆمۈريول مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈشنى كېلىشىۋالغان. (3) 1912-يىل 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ھوننو بىلەن چارروسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سازونوۋ (Сертей Дмитриевич Саэонов، 1860—1927) ئىمزالىغان. جۇڭگو شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، ياپونىيە بىلەن روسىيە ئىچكى موڭغۇلىيىنىڭ شەرقىنى ياپونىيىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە، غەربنى روسىيىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە بۆلۈۋېلىشنى كېلىشىۋالغان. (4) 1916-يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، يەنىلا ھوننو بىلەن سازونوۋ ئىمزالىغان، ئىككى دۆلەت دۈشمەنلىشىش نىيىتىدىكى ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ جۇڭگونى كونترول قىلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن ئۇرۇش كېلىپ چىققان ھامان، بىر-بىرىگە ياردەمدە بولۇشنى كېلىشىۋالغان. ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىدىن كېيىن سوۋېت روسىيىسى ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىكى شەرتنامىلەرنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.

ياپونىيە غەيرىي رەسمىي تارىخى

  • ياپونىيە غەيرىي رەسمىي تارىخى[يەشمىسى:] ياپونىيە تارىخ كىتابى. راي سانيو تۈزگەن، 22 توم، بۇلاردا رېتى بويىچە ھېي جەمەتى، گېن جەمەتى، ھوجۇ جەمەتى، كۇسۇننوكى جەمەتى، نىتتا جەمەتى، كېيىنكى ھوجۇ جەمەتى، تاكېدا جەمەتى، ئوئېسۇگى جەمەتى، مورى جەمەتى، ئودا جەمەتى، تويوتومى جەمەتى، توكۇگاۋا جەمەتى، ئاخىرىدا توكۇگاۋا ئېمىتسۇ (1604 — 1651) بايان قىلىنغان. سىماچيەننىڭ ئۇسلۇبىنى تەقلىد قىلىپ، خەنزۇچە يازغان ھەمدە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن. 200 نەچچە خىل كىتابتىن پايدىلانغان. ساپ بولمىغان جايلار بولسىمۇ، راۋان يېزىلغانلىقتىن، 1836 — 1837-يىللىرى (تېمپونىڭ 7-، 8-يىللىرى) ئەتراپىدا نەشىر قىلىنغاندىن بۇيان ناھايىتى كەڭ تارقالغان. جۇڭگودىمۇ كۆپ خىل نۇسخىسى بار.

ياپونىيە كېيىنكى خاتىرىلىرى

  • ياپونىيە كېيىنكى خاتىرىلىرى[يەشمىسى:]Nihonkoki) ياپونىيە تارىخ كىتابى، «ياپونىيە خاتىرىلىرىنىڭ داۋامى»دىن كېيىنكى يىلنامە، مىلادى 819-يىلى (كونىننىڭ 10يىلى) تېننو ساگا تۈزۈشكە يارلىق چۈشۈرۈپ، 840يىلى (چوۋانىڭ 7-يىلى) غا كەلگەندە، فۇجىۋارا ئوتسۇگۇ قاتارلىق يەتتە كىشى تۈزۈپ چىققان. 792-يىل (ئېنرياكۇنىڭ 11-يىلى) دىن 833-يىل (تېنىچونىڭ 10-يىلى) ئارىلىقىدىكى كاممۇ، ھېنزېي، ساگا، جۇنۋادىن ئىبارەت تۆت تېننونىڭ 42 يىللىق تارىخى خاتىرىلەنگەن. ھازىرغىچە 10 تومىلا ساقلىنىپ قالغان، خىبىئەننىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئاساسلىق تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. كىتابنىڭ ئاخىرىغا تۈزگۈچىلەرنىڭ تەرجىمىھالى بېرىلگەن. يوقىلىپ كەتكەن 30 تومنىڭ مەزمۇنى «دۆلەتلەر تارىخى»، «ياپونىيە قىسقىچە خاتىرىلىرى» دا قىسمەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

ياپونىيە كىتابلىرى

  • ياپونىيە كىتابلىرى[يەشمىسى:] ئەسلى ئىسمى «ياپونىيە خاتىرىلىرى». ياپونىيىدە «قەدىمكى ۋەقەلەر خاتىرىسى» دىن كېيىنرەك ھۆكۈمەت تۈزۈپ چىققان تارىخنامە. مىلادى 681-يىلى تېممۇ تېننو «پادىشاھلار خاتىرىسى ۋە قەدىمكى ۋەقەلەر» نى بېكىتىپ يېزىپ چىقىشنى بۇيرۇغان. 720-يىلى شاھزادە تونېرى قاتارلىقلار تۈزۈپ چىقىپ، تېننو موتوماساغا تەقدىم قىلغان. 30 توم بولۇپ، ئەسلىدىكى سىستېمىلىق خەرىتە — بىر توم يوقىلىپ كەتكەن. جۇڭگونىڭ رەسمىي تارىخىي خاتىرىلىرىنى تەقلىد قىلىپ، خەنزۇ يېزىقىدا يېزىپ چىققان. تارىخ ماتېرىياللىرىدىن «خان-پادىشاھلارنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرى»، «ئالدىنقى دەۋردىن كونا سۆزلەر» دىن باشقا «ئىكى نوھاكا توكو كىتابى»، «نانىۋا يوشىئو ئەرلەر كىتابى»، «كورىيە سرامانى داۋشيەننىڭ ياپونىيە ئەسىرى»، «پېكچى خاتىرىلىرى» قاتارلىقلاردىن پايدىلانغان، ياپونىيە جىندەيلىرىدىن تيەننوجىتوغىچە بولغان رىۋايەت ۋە تارىخ خاتىرىلەنگەن، كاماكۇرا دەۋرىدە ئۇرابې كىتاسۇمى يازغان «ياپونىيە خاتىرىلىرىگە ئىزاھ»؛ ئېدو دەۋرىدە كوكۇكاۋاكۇ توكيو يازغان «ياپونىيە كىتابلىرى ھەققىدە ئومۇمىي دەلىل»، «كاۋامۇرا ھىدېنې يازغان «كىتابلارنى يىغىپ چۈشەندۈرۈش» ئومۇمەن مۇھىم ئىزاھ كىتابلىرى ھېسابلىنىدۇ.

ياپونىيە ئۆزلەشتۈرۈش ھەسسىدارلىق شىركىتى

  • ياپونىيە ئۆزلەشتۈرۈش ھەسسىدارلىق شىركىتى[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ چاۋشيەندە مۇستەملىكىچىلىك بۇلاڭ-تالاڭ ئېلىپ بارىدىغان ئالاھىدە شىركىتى. 1908-يىلى قۇرۇلغان. مەخسۇس تېرىلغۇ يەر، سۇ ئىنشائاتلىرى، يەر-زېمىن ئېلىپ-سېتىش، ئۆي-جاي قۇرۇلۇشى، جازانىخورلۇق قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تالان-تاراج قىلىشىغا ئاكتىپلىق بىلەن ھەمكارلاشقان. چاۋشيەننىڭ كۆپ قىسىم مۇنبەت ئېتىزلىرىنى، ئورمانلىق تاغلىرىنى ئىدارە قىلغاندىن باشقا، يەنە كۆپلىگەن كارخانا، پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنى قۇرۇپ، چاۋشيەن خەلقىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنى كۈچەيتكەن. 1917-يىلىدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال، موڭغۇلىيە، شىمالىي جۇڭگو رايونلىرىغا سىڭىپ كىرگەن. تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگىچە كېڭەيگەن. 1945-يىلى ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ چاۋشيەننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۈلكى خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان، جەنۇبىي چاۋشيەندىكىسىگە بولسا يېڭى كورىيە شىركىتى ۋارىسلىق قىلغان.

ياپونىيىلىكلەرنىڭ ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى

  • ياپونىيىلىكلەرنىڭ ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] «ياپونىيە خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىتتىپاقى» غا قارالسۇن.

يادرو قوراللىرى سىنىقىنى قىسمەن مەنئى قىلىش شەرتنامىسى

  • يادرو قوراللىرى سىنىقىنى قىسمەن مەنئى قىلىش شەرتنامىسى[يەشمىسى:]تولۇق ئاتىلىشى «ئاتموسفېرا قاتلىمىدا، تاشقى ھاۋا بوشلۇقىدا ۋە سۇ ئاستىدا يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشنى مەنئى قىلىش شەرتنامىسى». ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 1963يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى موسكۋادا تەييارلاپ، 8-ئاينىڭ 5-كۈنى رەسمىي ئىمزالىغان. 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان. ئاساسىي مەزمۇنى ئاتموسفېرا قاتلىمىدا، تاشقى ھاۋا بوشلۇقىدا ياكى سۇ ئاستىدا «ھەرقانداق يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىپ پارتلىتىشنى ياكى باشقا ھەرقانداق يادرو پارتلىتىش» نى مەنئى قىلىشتىن ئىبارەت، لېكىن يەر ئاستى يادرو سىنىقى مەنئى قىلىنمىغان، بۇنىڭدا يادرو چوڭ دۆلەتلىرىنىڭ مونوپولىيە ئورنىنى مۇستەھكەملەش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ يادرو قوراللىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چەكلەش مەقسەت قىلىنغان. بۇ شەرتنامە چەكسىز كۈچكە ئىگە بولغان. شەرتنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا يەر ئاستى يادرو سىنىقىنى كۆپلەپ ئېلىپ بېرىپ، ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى داۋاملاشتۇرغان.

يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش شەرتنامىسى

  • يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش شەرتنامىسى[يەشمىسى:] يەنى «يادرو قوراللىرىنى تارقاتماسلىق شەرتنامىسى». بۇنىڭ لايىھىسىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا تۈزۈپ چىققان، 1968-يىل 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ب د ت يىغىنى ماقۇللىغان. 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە بىر ۋاقىتتا لوندون، موسكۋا، ۋاشىنگتوندا ئىمزا قويغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنۇلار: يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەتلەر بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا يادرو قوراللىرىنى يادروسىز دۆلەتلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرمەسلىك ھەمدە يادروسىز دۆلەتلەرنىڭ يادرو قوراللىرى ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش؛ يادروسىز دۆلەتلەر يادرو قوراللىرى ئىشلەپ چىقارماسلىققا، باشقا دۆلەتلەر ئۆتۈنۈپ بەرگەن يادرو قوراللىرىنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا قوبۇل قىلماسلىققا، يادرو قوراللىرى ئىشلەپ چىقىرىشقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلماسلىق ياكى ياردەمنى قوبۇل قىلماسلىققا ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنى بۇ خىل ياردەم بىلەن تەمىنلىمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. شەرتنامىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى يادرو قوراللىرى زاپىسى تىلغا ئېلىنمىغان، ئۇلارنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشى ۋە ئۇنى داۋاملىق ئىشلەپ چىقىرىشىغا چەك قويمىغان. بۇنىڭدىن مەقسەت يادرو قوراللىرىغا ئىگە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مونوپول ئورنىنى مۇستەھكەملەش، يادرو قورالسىز دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنى قوغدايدىغان يادرو قوراللىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشتىن ئىبارەت. شەرتنامە 1970-يىلى 3-ئايدىن ئېتىبارەن كۈچكە ئىگە بولغان. 1980-يىلى 4-ئايغىچە 115 دۆلەت ئىمزا قويغان.

ياروسلاۋ

  • ياروسلاۋ[يەشمىسى:]Ярослао Мудрый، تەخمىنەن 978 — 1054) كيېۋرۇس كىنەزى (1019 — 1054). ئەسلىدە نوۋوگورودنىڭ كىنەزى. 1015-يىلى ئۇنىڭ دادىسى، كىنەز ۋىلادىمىر سۋياتوسلاۋىچ ئۆلگەندىن كېيىن، ئاكا-ئۇكىلار ئارىسىدا ئىچكى نىزا تۇغۇلۇپ، سۋياتوپولك (Святополк Владимирович) كيېۋنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، باشقا ئۈچ قېرىندىشىنى (بورىس، گىرىب، سۋياتوسلاۋلارنى) ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ياروسلاۋ نوۋوگورود قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىپ ئۇنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، كيېۋروسنى يېڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈرگەن ۋە 1036-يىلىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى رۇسنىڭ پۈتكۈل زېمىنىغىچە كېڭەيتكەن. يەنە گالىچنى قوشۇۋالغان، پولشا بىلەن لىتۋانى مەغلۇپ قىلغان، فىنلاندىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى بويسۇندۇرغان ھەمدە پېچېنەكلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىنى توسقان. 1043-يىلى ۋىزانتىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، مەغلۇپ بولغان. مەملىكەت ئىچىدە، چېركاۋنىڭ باشقۇرۇش ئورگىنىنى قۇرغان؛ «ياروسلاۋ قانۇنى» نى تۈزۈپ، شەكىللەنگەن فېئوداللىق مۇناسىۋەتنى قانۇن شەكلى ئارقىلىق مۇستەھكەملىگەن. ئۆلگەندىن كېيىن ئوغۇللىرى تەختنى تالىشىپ، يەنە بۆلۈنۈش ھالىتىگە قايتىپ، فېئوداللىق بۆلۈنمىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

ياروسلاۋ قانۇنى

  • ياروسلاۋ قانۇنى[يەشمىسى:] «قەدىمكى رۇس قانۇنى» دەپمۇ ئاتالغان. كيېۋ رۇسنىڭ پادىشاھ ئەمر-پەرمانلىرى توپلىمى. كيېۋ روس كىنەزى ياروسلاۋ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (1019 — 1054) تۈزۈلگەنلىكتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ماددىلىرى قەدىمكى رۇس دۆلىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنلا، شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ مەقسىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان فېئوداللىق مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەپ، پادىشاھ ۋە ئاقسۆڭەكلەر، «ياساۋۇل» لارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشتىن ئىبارەت بولۇپ، يەر چېگرىسىنى بۇزغانلار، چارۋىلارنى ئوغرىلىغانلار، قورۇققا ئوت قويغانلار قاتارلىقلارنى قاتتىق جازالاش، جەرىمانە قويۇش بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭدا يەنە سلاۋىيانلار ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەت تۈزۈمىنىڭ بەزى ئادەتلىرى، مەسىلەن، قېرىندىشىنى ئۆلتۈرگەنلەردىن ئۆچ ئېلىشقا يول قويۇش (يېقىن قېرىندىشى بىلەنلا چەكلەنگەن) قاتارلىقلار ساقلىنىپ قالغان. ياروسلاۋنىڭ ئۈچ ئوغلى ئورتاق ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە، قانۇنغا قىسمەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ۋە تولۇقلاپ (مەسىلەن: قان-قېرىندىشىنىڭ ئۆچىنى ئېلىشنى چىقىرىپ تاشلىغان)، نامىنى «ياروسلاۋنىڭ ئۈچ شاھزادىسىنىڭ قانۇنى» (يەنى «رۇس قانۇنى» غا ئۆزگەرتكەن.

يازاتىنكيان

  • يازاتىنكيان[يەشمىسى:]Yazathinkyan) بىرما پاگان خاندانلىقىنىڭ ھەربىي ئالىمى ۋە ئەدىبى. پادىشاھ ئۇزانا (Uzana، 1250 — 1254-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ باش ۋەزىرى بولغان. تەختكە ۋارىسلىق قىلغان پادىشاھ ناراتىخاپات (Narathihapate، 1254 — 1287-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ چىشىغا تېگىپ قويغاچقا سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن كەچۈرۈم قىلىنىپ، مادۇباغا ئەۋەتىلگەندە، بۇ رايوندىكى توپىلاڭنى تېزلىكتە تىنچىتقان.

يازۇن

  • يازۇن[يەشمىسى:]Iason) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى شەخس. ئىئولكوس (Iolcus، تېسالىيىدە) پادىشاھى ئازۇن (Aeson) نىڭ ئوغلى. دادىسىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تاغىسى پېلناس (Pelias) تارتىۋالغان؛ پېلناس يازۇنغا كولكىس (Colchis) دېگەن يەردىكى «ئالتۇن يۇڭلۇق قوچقار» نى ئەكىلىپ بېرىدىغانلا بولساڭ، تەختنى ساڭا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن دېگەن. يازۇن كېمىگە ئولتۇرۇپ، كولكىس دۆلىتىگە كېلىپ مەلىكە مېدېيەنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، «ئالتۇن يۇڭلۇق قوچقار» نى ئوغرىلايدۇ ھەمدە مېدېيەنى ئېلىپ كېتىپ، توي قىلىپ، مەڭگۈ ساڭا سادىق بولىمەن، دەپ ۋەدە بېرىدۇ ھەمدە كېيىن ئىككى پەرزەنتلىك بولىدۇ، پېلناس ئازۇننى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. مېدېيە سېھىر بىلەن پېلناسنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. يازۇن بىلەن مېدېيە پېلناسنىڭ ئوغلى ئاكاسىتوس تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن ئىككىسى كورىنتوسقا قېچىپ كېتىدۇ. كورىنتوستا يازۇن ۋاپاسىزلىق قىلىپ پادىشاھ كىرېئوننىڭ قىزى گلائوسې (Glauce) بىلەن توي قىلىدۇ. مېدېيە ئۆزىنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىدىن غەزەپلىنىپ ئەسەبىيلىشىپ، قىساس ئالماقچى بولىدۇ، ئۇ ئالدى بىلەن قىزغا (مەلىكە گلائۇسې) تويلۇق كىيىم سوۋغا قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، فوسفورلۇق زەھەر سۈرتۈلگەن يېڭى كىيىم تەقدىم قىلىدۇ، مەلىكە كىيىمنى كىيىشى بىلەنلا ئوت كېتىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. دادىسى قىزىنى قۇتقۇزماقچى بولغان بولسىمۇ بەختسىزلىككە ئۇچرايدۇ. يەنە كەسكىن ۋە ئازابلىق ئىچكى روھىي توقۇنۇشتىن كېيىن، ئۆز قولى بىلەن ئىككى بالىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ۋاپاسىزلىق قىلغان يازۇننى ئازابلايدۇ؛ يازۇن ئاخىرى تەقدىرنىڭ ئاچچىق شەربىتىنى تېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. قەدىمكى يۇناندىكى تراگېدىيە بويىچە ئۈچىنچى چوڭ يازغۇچى ئېئورىپىدېس (Euripides) نىڭ مەشھۇر ئەسىرى «ھېدېيە» دە ئۈجمە كۆڭۈل يازۇن كۈچلۈك قامچىلانغان ھەمدە «مېدېيە» كومېدىيە ساھەسىدە بىر تىپقا ئايلاندۇرۇلغان.

ياسالغان تاش قورال

  • ياسالغان تاش قورال[يەشمىسى:]ئارخېئولوگىيىلىك ئاتالغۇ. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي تاشلارنى چېقىپ چىقارغان تاش دانىچىلىرى ياكى تاش پارچىلىرىدىن پايدىلىنىپ ياسىغان مۇئەييەن شەكىلدىكى تاش قوراللارنى كۆرسىتىدۇ. ياساش ئۇسۇلى ئومۇمەن «چوقۇپ ياساش ئۇسۇلى»، «ئۇرۇپ -تېشىپ ياساش ئۇسۇلى»، «سوقۇپ-يانجىپ ياساش ئۇسۇلى» دىن ئىبارەت. كېيىنكى مەزگىللەردە «ۋاسىتىلىك ئۇرۇپ-ياساش ئۇسۇلى» قوللىنىلىپ، نېپىز ھەم ئۇزۇن تاش پارچىلىرىغا ئىگە بولغان. خىللىرىدىن چېپىش-يانجىش قورالى، يونۇش قورالى، ئۇچلۇق شەكىللىك قورال قاتارلىقلار بار، بۇلار قەدىمكى تاش قوراللار دەۋرىدىكى مۇھىم ئىشلەپ چىقىرىش قوراللىرى بولۇپ، تاكى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىمۇ يەنىلا كۆپلەپ ئىشلىتىلگەن.

ياساۋۇل مەھكىمىسى

  • ياساۋۇل مەھكىمىسى[يەشمىسى:] ياپونىيە كاماكۇرا، مۇروماچى دەۋرىدىكى شوگنات قارىمىقىدىكى مەھكىمە. خېيئان دەۋرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، خان جەمەتى، خانىكە، شاھزادە، نائىب، ھاكىم، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار قاتارلىقلارنىڭ ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورگىنى. 1180-يىلى مىناموتويورىتومودىن باشلاپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۆزىگە قاراشلىق سامۇرايلارنى باشقۇرغان ھەم كاماكۇرانى مۇھاپىزەت قىلغان. بۇ ئورگاننىڭ باشلىقى بېتتو (باش ياساۋۇل بېگى)، مۇئاۋىنى مەھكىمە باشلىقى دەپ ئاتالغان. ۋاتايوشىمورى تۇنجى بېتتو بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن كىتاجۇ جەمەتى ھوقۇق تۇتۇشنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. ھوقۇق تەدرىجىي چوڭايغان. مۇروماچى دەۋرىدىكى ئاشىكاگا يوسمىتىسۇ مۇشۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ ياساۋۇل مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، ھەربىي ئىشلار، جىنايى ئىشلار ۋە پايتەختنى مۇھاپىزەت قىلىشقا مەسئۇل قىلغان. باشلىقى مەھكىمە باشلىقى دەپ ئاتالغان. يامانا، ئاكاماتسۇ، ئىچىشىكى ۋە كىگوكودىن ئىبارەت تۆت جەمەت نۆۋەتلىشىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ «تۆت ۋەزىپە» دەپ ئاتالغان. ئوشنوبۇ توپىلىڭىدىن كېيىن ھوقۇقى ئاجىزلاشقان.

ياسۇدا مالىيە زومىگىرى

  • ياسۇدا مالىيە زومىگىرى[يەشمىسى:]ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ياپونىيىدىكى چوڭ مالىيە زومىگىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭغا ئاساس سالغۇچى ياسۇدا ئىچىرو (1821 — 1838) ئەڭ دەسلەپ «ياسۇدا سودا سارىيى» نى ئاچقان، سەرراپ كەسپىنى يولغا قويغان. مېيجى يېڭىلىقىدىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ياسۇدا بانكىسى، ياسۇدا ھاۋالە شىركىتى، ياسۇدا ھاياتلىق ئىستراخۇۋانىيە شىركىتى قاتارلىق مۇھىم تىجارەتنى يولغا قويغان ۋە ئۇنى باشقۇرۇپ كەلگەن. ياسۇدا مالىيە زومىگىرىنىڭ مەركىزىي ئاپپاراتى سۈپىتىدە 1887-يىلى ياسۇزېن ئۇيۇشمىسىنى قۇرغان. 1912-يىلى گۆنازۇكۇ شىركىتى ياسۇزېن ئۇيۇشمىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىرى، ياسۇدانىڭ ياسۇزېن ئۇيۇشمىسىغا بىۋاسىتە قاراشلىق شىركەتلەر 20 گە يەتكەن. نامىدىكى سەرمايىسى 400 مىليون 7000 يىنغا يېتىپ، مىتسۇئى، مىتسۇبىشى ۋە سومتومورلاردىن قالسىلا ياپونىيە بويىچە تۆتىنچى مالىيە زومىگىرىگە ئايلانغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن ياسۇدانىڭ ياسۇزېن ئۇيۇشمىسى تارقىتىۋېتىلىپ، ياسۇدا بانكىسى فۇجى بانكىسىغا ئۆزگەرتىلگەن.

ياسۇماسا جاھالەتچىلىكى

  • ياسۇماسا جاھالەتچىلىكى[يەشمىسى:] 1858 — 1859-يىللىرى ياپونىيە توكۇگاۋا باكۇ شوگونلۇقىنىڭ تىننونى ھۈرمەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش تەرەپدارلىرىنى باستۇرۇش ۋەقەسى. ياسۇماسا يىللىرىدا سادىر بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. گارىس ياپونىيىگە كېلىپ، سودا توختىمى ئىمزالاشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، باكو شوگۇنلۇقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى گۇرۇھى ئىچىدە توختام ئىمزالاش بىلەن سىياگۇنلۇققا ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېغىر قارىمۇ قارشىلىق ۋە كۈرەش يۈز بەرگەن. 1858-يىلى ئىنائونائوسۇكې چوڭ ئاقساقال بولغاندىن كېيىن ئوردىنىڭ تەستىقىسىز ئامېرىكا بىلەن سودا توختىمى ئىمزالىغان ھەمدە توكۇگاۋا كېئوخونونىڭ سىياگۇنلۇققا ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ، ئوردا ۋە ئاۋام خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. چوڭ ئاقساقال ئىنائو ئۆكتىچىلەر ئۈستىدىن تازىلاش ئېلىپ بارغان. ۋەزىر-ئەزەم تاكاشى سۇكرو، كونوئى تاداھىرو قاتارلىقلارنى چېچىنى چۈشۈرۈپ مەنسىپىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر قىلغان، توكۇگاۋا كېيوكى، ماتسۇدائىرا يوشىناگا قاتارلىق توكۇگاۋاكېكىنىڭ سىياگۇن بولۇشىنى قوللىغۇچى بىر توپ تۆرىلەرنى خىزمىتىدىن چېكىنىپ، تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاشقا بۇيرۇق بەرگەن. ئىۋاسى تادانارى، كاۋاجى نائوكوتو قاتارلىق نۇرغۇنلىغان باكۇ شوگناتلىقى ئەمەلدارلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان ھەمدە كىيوتو، ئىدو قاتارلىق جايلاردا تېننونى ھۈرمەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش تەرەپدارلىرى زاتلىرىنى تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلغان. ئىنتايىن ۋەھشىيلىك بىلەن يوشىداشۇئىن قاتارلىق سەككىز كىشىنىڭ قورسىقىنى يېرىپ تاشلىغان ۋە كاللىسىنى ئالغان. بۇنىڭغا 100 دىن كۆپرەك كىشى چېتىلغان. چوڭ ئاقساقال ئىنائو بۇ ئارقىلىق باكۇ شوگونلۇقىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتمەكچى بولغان. بىراق ئۇنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە ئۇ باكۇ شوگوناتلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، باكۇ شوگناتلىقىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇش ۋە گۇمران بولۇشىنى تېزلەتكەن.

ياسۇماسا توختىمى

  • ياسۇماسا توختىمى[يەشمىسى:] ياپونىيە توكۇگاۋاباكو شوگونلۇقىنىڭ ئامېرىكا، گوللاندىيە، روسىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق بەش دۆلەت بىلەن ئىمزالىغان «دوستانە سودا توختىمى»نىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىلىشى. بۇ توختام ياسۇماسانىڭ 5-يىلى (1858-يىلى) ئىمزالانغانلىقى ئۈچۈن ئادەتتە ياسۇماسا توختىمى ياكى «ياسۇما بىلەن بەش دۆلەت توختىمى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. «ياپونىيە-ئامېرىكا دوستانە سودا توختىمى»گە قارالسۇن.

ياسۇموتو توپىلىڭى

  • ياسۇموتو توپىلىڭى[يەشمىسى:]Ⅻ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ياپونىيە خان جەمەتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھوقۇق تالىشىش يۈزىسىدىن بولغان بىر قېتىملىق يېغىلىق. تېننو توسۇخا (1103 — 1156) 1123-يىلى (ياسۇئاننىڭ 4-يىلى) تېننوشىڭې توكۇ (1119 — 1164) غا خانلىق ئورنىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندىن كېيىن، 1129-يىلى (ئوخارۇنىڭ 4-يىلى) شاھىنشاھ سالاھىيىتى بىلەن ھاكىمىيەتنى باشقۇرغان. 1141-يىلى (ناگاخارونىڭ 1-يىلى) ئۇشىگېي توكۇنىڭ ئورنىنى ئۆزىنىڭ ئامراق بانوسىدىن تۇغۇلغان تېننو كوندا (1139 — 1155) غا بەرگۈزگەن. 1155-يىلى (كوباتانىڭ 2-يىلى)تېننو كوندا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە تېننو يۇكاۋا (1127 — 1192) نى تەختكە ئولتۇرغۇزغان. شۇنداق قىلىپ، تياۋيۈيۈەن بىلەن شاھىنشاھ شېگى توكۇ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولغان. 1156-يىلى (ياسۇموتونىڭ 1-يىلى) تياۋيۈيۈەن ئۆلگەندىن كېيىن شاھىنشاھ شېگى توكۇ سول قول ۋەزىردويوتادانى (1097 — 1164) بىلەن بىرلىشىپ، خارانونى (1096 — 1156)، خىداشى ماسا (؟ — 1156) قاتارلىق سامۇرايلارنى يىغىپ، ئەسكەر توپلاپ تېننويوكاۋا بىلەن گوشىرادويوتادنى (1097 — 1164) غا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. كېيىن تېننويوكاۋا خارانونىڭ ئوغلى شىچو (1123 — 1160) نى ۋە خىراشى ماسانىڭ جىيەنى كىيوگېننىڭ ئەسكەرلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، بىر كۈن ئىچىدىلا قارشى تەرەپ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. فوجىغا راسېناگا ئۇرۇشتا ئۆلگەن. شاھىنشاھ شىگې توكۇ سۈرگۈن قىلىنغان. خارانونى بىلەن خاداشى ماسانىڭ كاللىسى ئېلىنغان. شۇنداق قىلىپ، خىراكيوگېن قايتىدىن خىزمەتكە قويۇلغان. سامۇرايلار گۇرۇھى كۈچىيىپ باش كۆتۈرگەن ۋە خان جەمەتى بىلەن ئاقسۆڭەكلەرگە تەھدىت سالغان. جۇكۇبا يىلىغا (1221 — 1229) كەلگەندە «ياسۇموتوۋويۇ» ژۇرنىلىدا بۇ ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقنىڭ جەريانى بېسىلغان، خارانونىچو (1139 — 1177) تەرىپىدىن تەپسىلىي يېزىلغان.

ياسى سۈلھ شەرتنامىسى

  • ياسى سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] 1787 — 1791-يىللاردىكى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرغان سۈلھ شەرتنامە. روسىيە بىلەن تۈركىيە 1792-يىل 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ياسىدا ئىمزالىغان. شەرتنامە بويىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ زېمىنى دىنېستر دەرياسىنى چېگرا قىلغان؛ قىرىم ۋە جەنۇبىي بۇگ دەرياسى بىلەن دىنېستر دەرياسىنىڭ ئارىلىقىدىكى كەڭ جايلار روسىيىگە تەۋە بولغان؛ ئۇرۇش جەريانىدا روسىيە قوشۇنى ئىشغال قىلىۋالغان مولداۋىيە ۋە ۋالاخىيە يەنە تۈركىيىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن.

ياشارتېس

  • ياشارتېس[يەشمىسى:]Yaxartes) سىر دەرياسىنىڭ قەدىمكى ئاتىلىشى. تىيانشان تاغ تىزمىلىرىنىڭ غەربىي، پەرغانە ئويمانلىقىنىڭ شەرقىدىن باشلىنىپ، ھازىرقى قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئۆتۈپ، ئارال دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3019 كىلومېتر. جۇڭگونىڭ «سۈينامە» ۋە «يېڭى تاڭنامە» قاتارلىقلاردا كۆزگە چېلىقىدۇ.

ياش ئافغانىستانچىلار

  • ياش ئافغانىستانچىلار[يەشمىسى:] ياش ئافغانىستان پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كونا تەرجىمىسى ئۆسمۈر ئافغانىستان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئافغانىستاندا مۇستەقىللىك ۋە ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلغان سىياسىي گۇرۇھ. ئاساسىي ئەزالىرى ياۋروپا تەربىيىسىنى ئالغان زىيالىيلار، سودىگەرلەر ۋە ئەمەلدارلاردىن ئىبارەت. ئەركىنچى پومېشچىكلار ۋە سودا بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. ۋەكىلى ئابدۇل گەننى ۋە مۇھەممەد تاجى. ئۇلار ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكە زۇلمىغا قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش، دېموكراتىك ئىسلاھاتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مۇستەبىت پادىشاھلىققا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئافغانىستاندىكى مىللىي دېموكراتىك ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلغان. 1908-يىلى باستۇرۇۋېتىلگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئۇلارنىڭ سىياسىي نۇقتىئىنەزەرى كېيىن 1919-يىلدىكى مۇستەقىللىك ئۇرۇشى (يەنى ئۈچىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە-ئافغانىستان ئۇرۇشى) ۋە كېيىنكى ئىچكى ئىشلار ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى بولۇپ قالغان. ئامانۇللا تەختكە چىققان (1919-يىلى 3-ئايدا) دىن كېيىن، بۇ گۇرۇھنىڭ مۇھىم ئەزالىرى ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم مەنسەپلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئامانۇللانىڭ ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشىغا ۋە مەملىكەت ئىچىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا ياردەملەشكەن. 1929-يىلىدىن كېيىن پارچىلانغان.

ياش ئاۋسترىيە

  • ياش ئاۋسترىيە[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىكى ئاۋسترىيە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرىنىڭ مەخپىي تەرەققىيپەرۋەر تەشكىلاتى. ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ سىياسىي ئېتىقادى ئوخشاش ئەمەس، لېكىن شۇ چاغدىكى سىياسىي تۈزۈمگە بىردەك قارشى تۇرۇپ، ئادىل پرىنسىپقا ئاساسەن ئەركىن تەرەققىيپەرۋەر ئاۋسترىيە قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار مەشھۇر «گرېنسپورت» ژۇرنىلىغا ئىگە ئىدى. ئاۋسترىيىدىكى قاتتىق سېنزۇر تۈزۈمىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا، بۇ تەشكىلات چەت ئەلنىڭ ئىدىيىۋى ئېقىملىرىنى خەۋەر قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىدىيىسىنى ئويغىتىش ۋە ساختىپەزلىكنى پاش قىلىش رولىنى ئوينىغان. 1848-يىلى ئىنقىلابنىڭ ھارپىسىدا، ئاۋسترىيە ئەكسىيەتچىل دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق زۇلمى ئاستىدا بۇ تەشكىلات پائالىيىتىنى پەيدىنپەي توختاتقان.

ياش-ئەزىمەت چېخلار گۇرۇھى

  • ياش-ئەزىمەت چېخلار گۇرۇھى[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىردىكى چېخ مىللەتچىلىك پارتىيىسى — مىللەت پارتىيىسى ئىچىدىكى رادىكالراق بولغان گۇرۇھ. 1861-يىلى 2-ئايدا، ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسى يېڭى ئاساسىي قانۇن جاكارلاپ، ئىمپېرىيە پارلامېنتى تەسىس قىلىپ، يۇقىرى تەبىقىدىكى بىر بۆلۈك چېخلارنى سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا يول قويغاندا، چېخ مىللەت پارتىيىسى بارا-بارا بۆلۈنۈپ، كونسېرۋاتىپلار (پېشقەدەم چېخلار گۇرۇھى) ۋە رادىكاللار (ياش-ئەزىمەت چېخلار گۇرۇھى) شەكىللەنگەن. ياش-ئەزىمەتلەر گۇرۇھى يوسېف سلادكوۋسكي (Josef Sladkorsky) بىلەن يۇلىئۇس گرېگر (Julius Gregr) نىڭ باشچىلىقىدا، دېھقانلار، ھۈنەرۋەنلەر ۋە زىيالىيلارغا تايىنىپ، چېخ مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1874-يىلى مىللەت پارتىيىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيە پەرەسلەر مەيدانىغا ئۆتۈپ كەتكەن. 1905-يىلىدىكى ئومۇمىي سايلامدا مەغلۇپ بولغان.

ياش تۈركىيە پارتىيىسى

  • ياش تۈركىيە پارتىيىسى[يەشمىسى:] ياۋروپالىقلارنىڭ تۈركىيە بۇرژۇئا پومېشچىكلىرىنىڭ پارتىيىسى — بىر تۇتاش تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى (بىر تۇتاش تەرەققىيپەرۋەرلەر جەمئىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى ئاتىشى. 1889-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى زىيالىيلار، كىچىك ئەمەلدارلار ۋە ئوفىتسېرلار بولۇپ، دەسلەپكى رەھبىرى ئەخمەد رىزا(Ahmed Riza Bey، 1859 — 1930) ئىدى. ئۇلار مۇستەبىت مونارخىيىنى بىكار قىلىپ، ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىينى يولغا قويۇپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئورنىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىر مەزگىل پارچىلىنىشقا يۈزلەنگەن، 1905 — 1907-يىللاردىكى روسىيە ئىنقىلابىدىن كېيىن قايتىدىن جانلىنىپ، ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، تەسىر كۈچىنى كېڭەيتكەن. 1908 — 1909-يىللىرى بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلغاندىن كېيىن ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە، ئىچكى جەھەتتە ئىشچى-دېھقانلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇپ، چوڭ ئوسمانچىلىقنى يولغا قويغان، تاشقى جەھەتتە گېرمانىيىگە مايىل سىياسەتنى يولغا قويغان. 1912-يىلى ئەنگلىيەپەرەس ئەركىن ماسلاشتۇرغۇچىلار پارتىيىسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. 1913-يىلى قايتىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، ئىككىنچى يىلى گېرمانىيە-ئاۋسترىيە گۇرۇھىغا ئەزا بولۇپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان، ئۇرۇشتىن كېيىن پارچىلانغان. 1922-يىلى پائالىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1926-يىلى بۇ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرى كامالغا قارشى سۇيىقەستكە قاتناشقانلىقتىن باستۇرۇۋېتىلگەن.

ياش گۋاردىيە

  • ياش گۋاردىيە[يەشمىسى:] سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلدىكى كومسومۇللارنىڭ يەر ئاستى تەشكىلاتى. 1942- يىلى 9-ئايدا گېرمانىيە ئارمىيىسى ئىشغالىيىتىدىكى دونباسنىڭ كىراسنودون شەھىرىدە قۇرۇلغان. ئۇنىڭ 103 ئەزاسى (1942-يىلى 12-ئايدا) بولۇپ، يوشۇرۇن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە دۈشمەن بىلەن ئىنتايىن مۈشكۈل كۈرەش ئېلىپ بارغان. فاشىستلارغا قارشى 30 نەچچە خىل تەشۋىقات ۋەرەقىسىنى بېسىپ تارقاتقان، ھەربىي ئاپتوموبىللىرىنى بۇزۇپ تاشلىغان، جازا لاگېرلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، قولغا ئېلىنغان قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزغان ھەمدە قوراللىق قوزغىلاڭغا تەييارلىق قىلىپ، ئىشغالىيەتچى ئارمىيىنى يوقاتقان. 1943-يىلىنىڭ باشلىرىدا خائىنلارنىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشى بىلەن تەشكىلات بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، مۇتلەق كۆپ سانلىق ئەزالىرى قولغا ئېلىنىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. بەختكە يارىشا ئامان قالغان 11 ئەزاسى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان. سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى فادېيېۋ 1945-يىلى ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى «ياش گۋاردىيە» رومانى قىلىپ يازغان.

ياش گېرمانىيە

  • ياش گېرمانىيە[يەشمىسى:]گېرمانىيە سەرگەردانلىرىنىڭ مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتى. 1834-يىلى 2-ئايدا شۋېتسارىيىدىكى بېرن شەھىرىدە قۇرۇلغان. دەسلەپتە ئۇششاق بۇرژۇئا زىيالىيلىرىدىن تەشكىل تاپقان، كېيىن ئىشچىلار ۋە قول سانائەتچىلەرمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن ھەمدە يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭ سىياسىي پروگراممىسى: گېرمانىيىنى ئازاد قىلىش ۋە گۈللەندۈرۈش، ئىجتىمائىي باراۋەرلىك، ئەركىنلىك، گراژدانلار ئەخلاقى ۋە مىللىي بىرلىك ئورنىتىش ھەمدە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش؛ بارلىق فېئوداللىق كۈچلەرنى يوقىتىپ، دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت. 1836-يىلى يازدا شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، پائالىيىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان. 1845-يىلى قايتىدىن قۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئەزالىرى 1848-يىلىدىن 1849-يىلىغىچە بولغان گېرمانىيە ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1850-يىلى تارقىلىپ كەتكەن.

ياش گېگېلچىلار

  • ياش گېگېلچىلار[يەشمىسى:] سول قانات گېگېلچىلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى گېگېل ئېقىمىدىن بۆلۈنۈپ چىققان گېرمانىيە رادىكال بۇرژۇئا ئىدىيىۋى ئېقىمى. 1831-يىلى گېگېل ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەردىن تەشكىل تاپقان. ئاساسىي ۋەكىللىرى شترائۇس، برۇنو، باۋېر، رۇگې، ستىرنېر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇلار «ئۆز ئېڭى» نى گېگېلنىڭ «مۇتلەق ئىدىيىسى» نىڭ ئورنىغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن پەلسەپە جەھەتتە گېگېل سىستېمىسىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن. سىياسىي جەھەتتە فېئوداللىق تۈزۈمنى سۆكۈپ، بۇرژۇئا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان، لېكىن ئەكسىيەتچى كۈچلەرگە قارشى كۈرەشتە دىن ۋە خرىستىئان ئەقىدىسىنى تەنقىد قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. شۇڭا، پەلسەپە ۋە سىياسىي جەھەتتە ئىنقىلابىي يولغا ماڭمىغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيە پرولېتارلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، پەيدىنپەي بۇرژۇئا ئەركىنچىلىرىگە ئۆزگىرىپ كەتكەن. ماركس ۋە ئېنگېلس «مۇقەددەس ئائىلە» ۋە «نېمىس ئىدېئولوگىيىسى» دېگەن ئەسەرلىرىدە بۇ مەزھەپتىكىلەرنىڭ ئىدېئالىستىك نۇقتىئىنەزەرلىرىنى تەنقىد قىلغان. بۇ مەزھەپتىكىلەر ئەدەبىيات-سەنئەت، پەلسەپە ژۇرنىلى «گېرمانىيە ئىلىم-پەن ۋە سەنئەت يىللىق مەجمۇئەسى» نى نەشىر قىلغان.

ياشلار كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالى

  • ياشلار كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالى[يەشمىسى:] ئۆسمۈرلەر كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىنقىلابىي ياشلار تەشكىلاتى بىرلىشىپ تەشكىل قىلغان خەلقئارالىق ياشلار تەشكىلاتى. لېنىننىڭ تەشەببۇسى ئاستىدا، 1919-يىلى 11-ئايدا بېرلىندا 14 دۆلەتنىڭ 29 نەپەر ۋەكىلى قاتناشقان بىرىنچى قۇرۇلتىيىنى مەخپىي چاقىرىپ، ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان. كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ باش لۇشيەنىگە ئاساسەن پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ماركسىزم-لېنىنىزم بىلەن كەڭ ياشلارنى تەربىيىلەپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مىلىتارىزم ۋە جاھانگىرلىكنىڭ يېڭى ئۇرۇش قوزغىشىغا قارشى تۇرۇش، كاپىتالىستىك ئېكسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش، كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىكى ياشلارنى ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلاش، ئېزىلگۈچى دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەمدە سوتسىيالىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت. سىياسىي جەھەتتە ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 56 دۆلەتتە ياچېيكىلىرى قۇرۇلغان. جەمئىي ئالتە قېتىم قۇرۇلتاي ئاچقان. 1943-يىلى 6-ئايدا ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ تارقىتىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ تارقىلىپ كەتكەن.

ياش ئىتالىيە پارتىيىسى

  • ياش ئىتالىيە پارتىيىسى[يەشمىسى:]ئىتالىيە ئويغىنىش ھەرىكىتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ مەخپىي تەشكىلاتى. 1831-يىلى ماززىنى فرانسىيىدىكى مارسېلدا بەرپا قىلغان. ئۇ ئىنقىلابىي يول ئارقىلىق ئىتالىيىنى يات مىللەتنىڭ زۇلمى ئاستىدىن ئازاد قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە ئومۇم سايلام ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئوتتۇرا-ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ۋە بىر قىسىم ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى قاتناشقان. مەخپىي ژۇرناللارنى نەشىر قىلىپ، «خۇدا ۋە خەلق ئۈچۈن» دېگەن ھەرىكەت شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تەشكىلات تېز تەرەققىي قىلىپ، كۆپ ئۆتمەي يېرىم ئارالنى پۈتۈنلەي قاپلىغان. 1833-يىلى ئۇنىڭ ئەزالىرى 60 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرى ئابستراكت مىللىي ئۇقۇمنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، كەڭ دېھقانلار ۋە باشقا ئەمگەكچىلەرنىڭ ماددىي مەنپەئىتىگە سەل قاراپ، پومېشچىكلارنىڭ يەرلىرىنى دېھقانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئايلاندۇرۇشنى رەت قىلىپ، ئىنقىلابنىڭ ئاساسىي ئاممىسىدىن ئايرىلىپ قالغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن 40-يىللىرىغىچە كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ (1833-يىلى پېمونتتا، 1834-يىلى ساۋۇييادا، 5481 - 1481-يىللىرى رىم پاپا دۆلىتىدە، 1844-يىلى كالابرىيىدە) مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان، لېكىن ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش داۋامىدا زور رول ئوينىغان.

ياش ياۋروپا

  • ياش ياۋروپا[يەشمىسى:] 1834-يىلى ماززىنى شۋېتسارىيىدە بەرپا قىلغان ھەرقايسى ئەل جۇمھۇرىيەتچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىتتىپاق. ئىتتىپاققا ياش ئىتالىيە، ياش پولشا، ياش گېرمانىيە قاتارلىق پارتىيىلەر قاتناشقان. ئىنقىلابنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر قايسى ئەللەردە بۇرژۇئا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى پىلانلىغان. 1836-يىلى تارقىلىپ كەتكەن.

ياغاچ ئات ھىيلىسى

  • ياغاچ ئات ھىيلىسى[يەشمىسى:]«تىرويا ياغاچ ئېتى» غا قارالسۇن.

ياغاچ قەبرە مەدەنىيىتى

  • ياغاچ قەبرە مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى برونزا قورال دەۋرى مەدەنىيىتى. ئۆڭكۈر قەبرە مەدەنىيىتىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن بىر خىل مەدەنىيەت. شەرقتە ئورال دەرياسىدىن غەربتە دېنىستر دەرياسىغىچە، شىمالدا كاما دەرياسى ۋە ئۇكا دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغاق تارمىقىدىن جەنۇبتا ئازوۋ دېڭىزى ۋە كاسپىي دېڭىزىغىچە، ئاساسلىقى ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىم رايونلىرىغا تارالغان. توپا ئورەكنىڭ ئىچىگە ياغاچ ماتېرىياللاردىن ئۇزۇن چاسا ياكى چاسا شەكىللىك تاۋۇت لەھەت ياسىلىپ، ئىچىگە تاۋۇت قويۇپ دەپنە قىلىنغان. پۇت، قوللىرىنى پۈكۈپ دەپنە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. ئاخىرەتلىك بۇيۇملاردىن برونزا خەنجەر، ئورغاق، سۆڭەكسىمان بىلەزۈك، ساپال بۇيۇم قاتارلىقلار بىللە كۆمۈلگەن. ئىقتىسادىي تۇرمۇشى ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق، دەۋرى تەخمىنەن مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن مىلادىدىن 1000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ باشلىرىغىچە، قىممەتلىك مېتاللاردىن ياسالغان بۇيۇملار تېپىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سىرت جايلاردىن كەلگەن بۇيۇملاردۇر.

ياكوب روگگېۋېن

  • ياكوب روگگېۋېن[يەشمىسى:]Jacob Roggeveen، 1659 — 1729). گوللاندىيىلىك دېڭىزچى، گېنېرال. 1721—1722-يىللاردا تىنچ ئوكياننى غەربكە قاراپ توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، يېڭى گۋېنىيىنىڭ شىمالىي قىسىم دېڭىز قىرغىقىغا كېلىپ، ساموياغا بارغان، ئۇ بۇ رايونغا زىيارەتكە كەلگەن تۇنجى ياۋروپالىق دېڭىزچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ياكوبىن پارتىيىسىدىكىلەر دېلوسى

  • ياكوبىن پارتىيىسىدىكىلەر دېلوسى[يەشمىسى:]ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئاۋسترىيە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتلار ۋە ئىلغار زىيالىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋەقەسى. فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە، 1794-يىلى ئەتىيازدا ئاۋسترىيىنىڭ ۋېنا ۋە ئاۋسترىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ۋېنگرىيىنىڭ بۇداپىشت قاتارلىق جايلىرىدا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «ئەركىنلىك-باراۋەرلىك جەمئىيىتى» ۋە «ئىسلاھاتچىلار جەمئىيىتى» قاتارلىق مەخپىي دېموكراتىك تەشكىلاتلار قۇرۇلغان ھەمدە پروگراممىلىرىنى تۈزۈپ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازىنى بىكار قىلىپ، مەسئۇل ئىچكى كابىنېت تۈزۈمىدىكى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش؛ پۇقرالار ئەركىنلىك-باراۋەرلىك ۋە دۆلەتنى باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش؛ مىللىي مۇستەقىللىك ۋە ئۆزىگە-ئۆزى خوجا بولۇش؛ كىتاب-ژۇرناللارنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە مەخپىي ساقچىلارنى تارقىتىۋېتىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان. 1794-يىلى ئاۋسترىيە ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى دېموكراتىك ھەرىكەتنى «ياكوبىن پارتىيىسىدىكىلەر ھەرىكىتى» دەپ قارىلاپ، ئاۋسترىيە بىلەن ۋېنگرىيىدە تەشكىلات ئەزالىرىنى كۆپلەپ قولغا ئالغان، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلۈم جازاسىغا ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي رەھبەرلىرىدىن مۇردىنوۋىچ، لوسكىۋىچ، خوئىنوچ قاتارلىقلار ئىككىنچى يىلى 5-ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن. شۇ ئىشتىن كېيىن ئاۋسترىيە بۇ دېلودىن پايدىلىنىپ، مەملىكەت ئىچىدە تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتتىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، كەڭ زىيالىيلارغا زىيانكەشلىك قىلغان.

ياكوبىن ئاساسىي قانۇنى

  • ياكوبىن ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:]يەنى 1793-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن». 

ياكوبىن دىكتاتۇرىسى

  • ياكوبىن دىكتاتۇرىسى[يەشمىسى:] 5NDAفرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى مەزىلىدە ياكوبىنچىلار ئورناتقان ئىنقىلابىي دىكتاتۇرا. 1793يىل 5ئاينىڭ 31كۈنى ۋە 6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى قوزغىلاڭ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، گىروندېچىلار ئاغدۇرۇلۇپ، ھاكىمىيەتنى ياكوبىنچىلار ئىگىلىگەن. روبېسپېر باشچىلىقىدىكى ياكوبىنچىلار ئىنقىلابىي دىكتاتۇرىنى ئورنىتىپ، مىللىي ئۇيۇشمىدىكى گىروندېچىلارنى تازىلاپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش كومىتېتى، ئامانلىقنى ساقلاش كومىتېتى ۋە ئىنقىلابىي سودىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت قۇرۇپ، دىكتاتۇرا ئورگانلىرىنى كۈچەيتكەن؛ «1793-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن» نى تۈزۈپ، ئاكتىپ پۇقرا بىلەن پاسسىپ پۇقرا دەپ ئايرىشنى ۋە سايلامنىڭ مال-مۈلۈك سالاھىيەت چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىۋاسىتە سايلام تۈزۈمىنى يولغا قويغان؛ «يەر قانۇنى» نى ئېلان قىلىپ، فېئوداللىق يەر مۈلۈكچىلىكىنى بىكار قىلىپ، يەككە دېھقانلارنىڭ ئۇششاق يەر مۈلۈكچىلىكىنى ئورناتقان؛ «باھانى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش قانۇنى» نى يولغا قويۇپ، ھايانكەش سودىگەرلەرگە زەربە بەرگەن؛ «گۇمان قىلىنغۇچىلار قانۇنى» نى ئېلان قىلىپ، ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرغان. بۇ تەدبىرلەر ياكوبىن دىكتاتۇرىسىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭلارنى تېز تىنچىتىش، چەت ئەللەرنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسىنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ، فرانسىيىنىڭ بۈيۈك ئىنقىلابىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرگەن. ئەمما ياكوبىنچىلار دېھقانلارنىڭ يەرنى ھەقسىز تەقسىم قىلىپ بېرىش تەلىپىنى قاندۇرمىغان؛ ئەكسىيەتچىل «لې چاپېلېر قانۇنى» نى ساقلاپ قېلىپ، ئىشچىلار مائاشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەكلىمىسىنى بېكىتكەن؛ «ساراڭلار»، ھېبېرتچىلار ۋە دانتۇنچىلارنى باستۇرۇپ، دىكتاتۇرىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى ئاجىزلاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن 1794-يىل 7-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئاغدۇرۇلغان.

ياكوبىن كۇلۇبى

  • ياكوبىن كۇلۇبى[يەشمىسى:]فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ئەڭ زور تەسىرگە ئىگە سىياسىي تەشكىلات. دەسلىپىدە برېتاگېنى كۇلۇبى دەپ ئاتىلىپ، ئۈچ تەبىقە مەجلىسى مەزگىلىدە برېتاگېنېنىڭ ۋەكىللىرى دائىم بىر يەرگە يىغىلىپ، يىغىننىڭ كۈنتەرتىپلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. 1789-يىلى 10-ئايدا، بۇ كۇلۇب پادىشاھ ۋە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە ۋېرسالدىن پارىژغا كۆچۈپ بېرىپ، نامىنى «ئاساسىي قانۇن دوستلىرى جەمئىيىتى» گە ئۆزگەرتكەن، كۆپىنچە سان ئونولىي كوچىسىدىكى ياكوبىن (Jacobins) موناستىردا يىغىن ئاچىدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭغا قاتناشقانلار ئەركىن ئاقسۆڭەكلەر، چوڭ سودا-سانائەت بۇرژۇئازىيىسى ۋە بۇرژۇئا دېموكراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرى ۋە شەھەرلىرىدە ئۇنىڭ بىرقانچە مىڭ پاچېيكىسى قۇرۇلغان. بۈيۈك ئىنقىلابتا بىرقانچە قېتىملىق بۆلۈنۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىشنى باشتىن ئۆتكۈزگەن: 1791-يىلى 6-، 7-ئايلاردىكى كورۇلنىڭ قېچىپ كېتىش ۋە مارس مەيدانىدىكى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىدىن كېيىن، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلار ئۇنىڭدىن چېكىنىپ چىقىپ، فېيلانتىس كۇلۇبىنى قۇرغان؛ 1792-يىلى 10-ئاۋغۇست ئىنقىلابىدىن كېيىن، گىروندېچىلار بىلەن تاغلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش كەسكىنلىشىپ 10-ئاينىڭ 10-كۈنى برىسسوت ياكوبىن كۇلۇبىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، باشقا گىروندېچىلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن چېكىنىپ چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن، روبېسپېرر ۋەكىللىكىدىكى تاغلىقلار بۇ كۇلۇبقا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە ياكوبىن دىكتاتۇرىسىنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكىگە ئايلىنىپ، ئىنقىلابنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدە غايەت زور رول ئوينىغان. 1794-يىلىدىكى تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، بۇ كۇلۇب تاقىۋېتىلگەن. تەپتىش ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە گەرچە قەدىمكى ئاقىللار ئىبادەتخانىسى ۋە بەيگە زالى قاتارلىق كۇلۇبلارنىڭ نامى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي تەسىرى كۈنسايىن يوقىلىپ، ئاخىرى 1799-يىلى تارقىتىۋېتىلگەن. 

ياكوبىنچىلار

  • ياكوبىنچىلار[يەشمىسى:]فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدا ياكوبىن كۇلۇبى ئەزالىرىنىڭ ئاتىلىشى. ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، فېيلانتىسچىلار بىلەن گىروندېچىلار ياكوبىن كۇلۇبىدىن ئارقا-ئارقىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، روبېسپېرر باشچىلىقىدىكى تاغلىقلار كۇلۇبتا يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلەپ، ياكوبىنچىلار ئوتتۇرا، ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىنقىلابىي دېموكراتلارغا ئايلانغان. ئۇلار 1793يىل 5ئاينىڭ 31كۈنى ۋە 6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى قوزغىلاڭدىن كېيىن ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن ھەمدە خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئىتتىپاقى ۋە قوللانغان بىر قاتار ئىنقىلابىي تەدبىرلىرىگە تايىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە دۆلەت سىرتىدىكى ئەكسىيەتچىلەرنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ، بۈيۈك ئىنقىلابنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىگەن ۋە راۋاجلاندۇرغان. 1794-يىلى ئەتىيازدا «ساراڭلار»، ھېبېرتچىلار ۋە دانتونچىلارنى باستۇرغاندىن كېيىن، ياكوبىنچىلارنىڭ كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشقان. شۇ يىلى تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدە، ياكوبىن دىكتاتۇرىسى ئاغدۇرۇلغان، ياكوبىنچىلارنىڭ سىياسىي رولىمۇ تېز يوقالغان. «ياكوبىن كۇلۇبى»غا قاراڭ.

ياكوت

  • ياكوت[يەشمىسى:]Yāqūt، 1179 — 1229). ئەرەب جۇغراپىيونى. تارىخچىسى. كىچىك ئاسىيادىكى بىر گرېك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق چېغىدا ئۇرۇشتا بۇلاپ كېتىلىپ، باغدادتىكى بىر سودىگەرگە قۇل قىلىپ سېتىلغان، ناھايىتى ياخشى تەربىيىگە ئىگە بولغان. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن جايلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ، كۆچۈرمىچىلىك ۋە كىتاب سېتىش بىلەن كۈن كەچۈرگەن. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ موف ۋە خارەزىمنىڭ كۇتۇپخانىلىرىدا ماتېرىيال توپلاپ، ئەينى زاماندىكى جۇغراپىيە بىلىملىرىنىڭ توپلىمى — تۆت قىسىملىق «يەر ناملىرى لۇغىتى» نى تۈزۈپ چىققان. ئۇ ھەرپ رېتى بىلەن تىزىلغان، ھەر بىر جاينىڭ نامىدىن باشقا، يەنە شۇ جاينىڭ تارىخى ۋە شۇ جايدا ئۆتكەن ئاتاقلىق كىشىلەر قاتارلىقلارمۇ بېرىلگەن. شۇڭا بۇ كىتاب ئەدەبىيات، تارىخ، ئىرق تەزكىرىسى ۋە تەبىئىي پەن قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ قامۇسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، «ئەدىبلەر لۇغىتى» دېگەن كىتابىدا Ⅶ ئەسىردىن ⅩⅢ ئەسىرگىچە ئۆتكەن تەخمىنەن 1100 نەپەر ئەرەب ئەدىبلىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى تونۇشتۇرۇلغان. 

ياگېللو

  • ياگېللو[يەشمىسى:]Jagiello، تەخمىنەن 1348 — 1434) لىتۋا كىنەزى (1377-يىلدىن باشلاپ)، پولشا كورۇلى (1386—1434). تېۇتون رىتسارلار پولكىنىڭ تاجاۋۇزىغا بىرلىشىپ قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، 1385-يىلى پولشا بىلەن «كرېۋو بىرلىشىش شەرتنامىسى»نى ئىمزالىغان، شەرتنامىگە ئاساسەن، ياگېللو كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، پولشانىڭ كورۇلىۋاسى يادۋىگا (Jadwiga) نى نىكاھىغا ئالغان، ئىككىنچى يىلى پولشانىڭ پادىشاھلىق تاجىنى كىيىپ، ۋلادىسلاۋ Ⅱ(Wladyslaw Ⅱ) دەپ ئاتالغان، لىتۋا پولشاغا قوشۇۋېتىلىپ، ياگېللو خاندانلىقى قۇرۇلغان. ۋىتولد (Witold، 1350—1430) باشچىلىقىدىكى لىتۋا فېئوداللىرى بىرلىشىشكە قارشى تۇرغان. 1392-يىلى ياگېللو ۋىتولدىنى لىتۋانىڭ كىنەزى دەپ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان، لېكىن ۋىتولد نامىدا يەنىلا پولشا پادىشاھىغا بويسۇنىدىغان بولغان. 1410-يىلى 7-ئايدا ياگېللو پولشا، لىتۋا ۋە روسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى باشلاپ، گرۇنۋارد جېڭى (تاننېنبېرگ جېڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دە، تېۇتون رىتسارلار پولكىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان. 

ياگېللون خاندانلىقى

  • ياگېللون خاندانلىقى[يەشمىسى:]پولشا ۋە لىتۋانىڭ فېئودال خاندانلىقى (1386 — 1572). ياگېللو قۇرۇپ چىققان. پولشا ۋە لىتۋادىن باشقا، بۇ خاندانلىقنىڭ جەمەتلىرى چېخ ۋە ۋېنگرىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختلىرىدىمۇ ئولتۇرغان. زىگمۇنت Ⅱ ئۆلگەندىن كېيىن، خاندانلىق ئاخىرلاشقان. 

ياڭ-لاۋ (يورو) ئەمر-پەرمانلىرى

  • ياڭ-لاۋ (يورو) ئەمر-پەرمانلىرى[يەشمىسى:]ياپونىيىنىڭ نارا دەۋرىدە تۈزۈلگەن قانۇنلار توپلىمى. مىلادى 718يىلى (يورونىڭ 2-يىلى) فۇجىۋارا قاتارلىقلار «داباۋ ئەمر-پەرمانلىرى» ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ تۈزگەن. قانۇن ۋە ئەمر-پەرمان قىسمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 جىلدتىن تەركىب تاپىدۇ. مەزمۇنى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. 1-، 2-جىلد مەشھۇر شەخسلەر قىسمى؛ 3-جىلد قوغداش، تەقىپ، ۋەزىپە تۈزۈمى قىسمى؛ 4-جىلد ئائىلە، نىكاھ قىسمى؛ 5-جىلد قوتان-ئامبار ۋە باشباشتاقلىق قىسمى؛ 6-جىلد ئوغرى-قاراقچىلىق قىسمى؛ 7-جىلد جېدەل-دەۋا قىسمى؛ 8-جىلد ئالدامچىلىق قىسمى؛ 9-جىلد ئارىلاشما تۈرلەر قىسمى؛ 10- جىلد تۇتقۇن قىلىش، ئۆلۈم جازاسى ۋە تۈرمە قىسمى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. 757-يىلى (تيەنپىڭ باۋزىنىڭ 1-يىلى) دىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. كېيىن ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىلىپ، تولۇقلانغان. Ⅹ ئەسىردىن كېيىن رەسمىيەتكە ئايلانغان. ھازىر بۇ كىتابنىڭ كۆپچىلىك قىسمى يوقالغان، قالدۇقلىرى يىغىۋېلىنىپ، «قانۇندىن پارچىلار» غا كىرگۈزۈلگەن.

يالاڭتۆشلەر

  • يالاڭتۆشلەر[يەشمىسى:]ئۇزۇن ئىشتانلىقلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەسلىدە چىرايلىق ھەم ئېسىل قىسقا قاپلىما ئىشتان كىيىدىغان ئاقسۆڭەك ۋە بايلارنىڭ ئۇزۇن كاناپ ئىشتان كىيىدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىپ ئاتىشى بولۇپ، ⅩⅧ ئەسىردىكى فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئىنقىلابچىلارنىڭ پەخىرلىنىدىغان نامىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى ئاساسەن شەھەر قول ھۈنەرۋەنلىرى، كىچىك تىجارەتچىلەر ۋە باشقا ئەمگەكچى ئامما قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت رايونى پارىژ. ئۇلار فرانسىيە زور ئىنقىلابىدىكى ئەڭ رادىكال بىر گۇرۇھ بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ساراڭلار» گۇرۇھى ۋە گېبېرتچىلارنىڭ رەھبەرلىكىدە بولغان، 1793-يىلى 31-ماي ۋە 2-ئىيۇندىكى گېروندىچىلارنى ئاغدۇرۇش قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ھەمدە ياكوبىن دىكتاتۇرىسىنى ھەر خىل سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلغان.

يالىڭاياغلار قوزغىلىڭى

  • يالىڭاياغلار قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]1639-يىلى فرانسىيىنىڭ نورماندىيىدە پارتلىغان دېھقانلار ۋە شەھەر خەلقىنىڭ قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭنىڭ يولباشچىسى ئېيتىلىشىچە بىر نامرات پوپ جېئان (يالىڭاياغ) (Jean Nu-pieds) دېگەن كىشى ئىكەن. قوزغىلاڭغا رىشېلېئۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر تۇز بېجى ئېلىش سەۋەب بولغان. قوزغىلاڭچىلار باجخانا ئورگانلىرىنى ۋەيران قىلىپ، باجگىرلارنى تۇتقۇن قىلغان، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قورۇقلىرىغا ھۇجۇم قىلغان، نورماندىيىنى ئەمەلىيەتتە تىزگىنلىگەن. رىشېلېئۇ ھۆكۈمەت قوشۇنىنى ئەۋەتىپ باستۇرغان، شۇ يىلى كۈزدە قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.

يالتا كېلىشىمى

  • يالتا كېلىشىمى[يەشمىسى:]تولۇق نامى «ئۈچ دۆلەتنىڭ يىراق شەرق مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمى». ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى 1945يىل 2-ئاينىڭ 11-كۈنى يالتا يىغىنىدا ئىمزالىغان مەخپىي كېلىشىم بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى: ياۋروپا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئىككى ياكى ئۈچ ئاي ئىچىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ، ئۇنىڭ شەرتى: (1) تاشقى موڭغۇلىيە (موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى) نىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش؛ (2) روسىيىنىڭ 1904-يىلى ياپونىيىنىڭ ۋاپاسىزلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىلگىرىكى مەنپەئىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ لۈيشۈنكۇ (پورتئاتور) سودا پورتى خەلقئارالاشتۇرۇلىدۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى لۈيشۈنكۇنى ئىجارىگە ئېلىپ دېڭىز ئارمىيە پورتى قىلىدۇ، مانجۇرىيە تۆمۈريولىنى جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئورتاق باشقۇرىدۇ، ۋەھاكازالار؛ (3) چىشىماچو تاقىم ئاراللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، دېگەنلەردىن ئىبارەت بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە جۇڭگونىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن دوستلۇق-ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى ئىمزالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى مانجۇرىيە تۆمۈريولى ۋە لۈيشۈنكۇ دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگوغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. 

يالتا يىغىنى

  • يالتا يىغىنى[يەشمىسى:]يەنە قىرىم يىغىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1945-يىل 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرىدىن ستالىن، روزۋېلت ۋە چېرچىللار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى يالتا (Ялта)دا ئۆتكۈزگەن. يىغىننىڭ مەزمۇنى: (1) گېرمانىيىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى. گېرمانىيىنى رايونلارغا بۆلۈپ ئىشغال قىلىش، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر مەركىزىي ئىدارە قىلىش كومىتېتىنى تەسىس قىلىپ، ماسلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئېلىپ بېرىش، تۆلەم كومىتېتىنى تەسىس قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ تۆلەم مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش قارار قىلىنغان. (2) پولشا مەسىلىسى. پولشانىڭ چېگرىسى بېكىتىلىپ، لوبېسكا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئاساسىدا، پولشا ۋاقىتلىق بىرلەشكەن ھۆكۈمەت قۇرۇش قارار قىلىنغان. (3) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەسىلىسى. 1945-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى سان-فرانسىسكودا ب د ت يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىنىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قاتنىشىدىغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىردەك پرىنسىپى بېكىتىلگەن. (4) يىراق شەرق مەسىلىسى. سوۋېت ئىتتىپاقى ياۋروپا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئىككى-ئۈچ ئاي ئىچىدە ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا ماقۇل بولغان. يىغىندا يەنە يۇگوسلاۋىيە مەسىلىسى، ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قايتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان. ئەڭ ئاخىرىدا «يالتا كېلىشىمى» ئىمزالانغان ھەمدە «قىرىم باياناتى» ئېلان قىلىنغان. 

يالغان دمىتىرىيⅡ

  • يالغان دمىتىرىيⅡ[يەشمىسى:]5NDAيەنى «چار پادىشاھ تۇشىنىسكىي».

ياماتو دۆلىتى

  • ياماتو دۆلىتى[يەشمىسى:]يەنى ياماتو خاندانلىقى. ياپونىيىنىڭ ياماتو (بۈگۈنكى نارا) دېگەن يېرىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن مىلادى Ⅲ ئەسىردە شەكىللەنگەن. Ⅳ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇنىڭ تەسىر كۈچى كانتو رايونىغا يېتىپ بارغان. جۇڭگونىڭ «سۇڭنامە» سىدە يېزىلىشىچە، يوڭچو 2-يىلى (مىلادى 421يىلى) دىن شىڭمىڭ 2يىلى (مىلادى 478-يىلى) غىچە، پاكىنەكلەر پادىشاھلىرىدىن زەنۋاڭ، جىنۋاڭ، جىۋاڭ، شېڭۋاڭ ۋە ۋۇۋاڭلار كەينى-كەينىدىن جۇڭگوغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن؛ ۋۇۋاڭ (تېننو شۇنلې) غا «ئاندۇڭنىڭ چوڭ سانغۇنى» دەپ نام بېرىلگەن. بۇ مەزگىلدە، جۇڭگو مەدەنىيىتى ئارقىمۇ ئارقا ياپونىيىگە تارقالغان. كېيىن دۆلەتمەن جەمەتتىكىلەر ئۆكتەملىك بىلەن ئىش كۆرگەنلىكتىن، ھاكىمىيەت خارابلىشىپ كەتكەن. 645-يىلى تايكا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ، تېننو ھۆكۈمرانلىقى تىكلەنگەن. ياماتو دەۋرى ئاياغلاشقان. 

ياماتو دۆلىتى

  • ياماتو دۆلىتى[يەشمىسى:]ياپونىيە تايكا ئىسلاھاتىدىن كېيىن دۆلەت ۋىلايىتى تۈزۈمى ئاساسىدىكى يەرلىك مەمۇرىيەت رايوندىن تۆۋەن دۆلەت نامى. ئۇ بۈگۈنكى نارا ناھىيىسىنىڭ تەۋەسىدە. «ياماتو» دېگەن سۆزنىڭ ياپون تىلىدىكى ئاھاڭى 倭 (ياماتو) 大倭 (ياماتو)، 大养德 (ئۇ ياماتو) دېگەن سۆزلەرنىڭ ئاھاڭىغا ئوخشاش. «ئىلوبو لۇغىتى» گە ئاساسەن، (ياماتو) دېگەن سۆزنى مىلادى 749-يىلى (تيەنپىڭ شىڭباۋ 1-يىلى) قوللىنىشقا باشلىغان. «يەنشىنىڭ خەلق ئىشلىرى خاتىرىسى» گە قارىغاندا، ئۇنىڭ قارىمىقىدا 15 ۋىلايەت، 89 يۇرت بار ئىكەن. نارا دەۋرىدە فۇجىۋارا خىروتسۇگۇ، فۇجىۋارا كىيوكاۋا قاتارلىقلار دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرغان، خىراياسو دەۋرىدە، ساكى ئىماكېبېتو، شىگىنو سادانۇش قاتارلىقلار دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرغان. ئۇنىڭ دائىرىسىدە ئالدىنقى دەۋرگە ئائىت خارابىيلىقلار ۋە قەبرىلەر بار. بۇ ھەقتە ھەر خىل ئېيتىلىشلارمۇ بولغان. 692يىلى ( تېننو جىتو 7يىلى) دىن 709يىلى (خېتوڭ 2-يىلى) غىچە بولغان ئارىلىقتا، ياماتونىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى نىڭيۇەنجىڭدە پايتەخت قۇرۇلغان. 710يىلى پايتەخت خېيجوكيو (بۈگۈنكى نارا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا) غا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. 784يىلى (يەنلى 3-يىلى) پايتەخت ناگائوكا (بۈگۈنكى كىيوتو شەھىرىنىڭ غەربىي رايونى) غا كۆچۈرۈپ كېلىنگەندىن كېيىن، نارا جەنۇبىي پايتەخت دەپ ئاتالغان، كاسۇگا ئىلاھىيەت جەمئىيىتى، شىڭفۇ ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلارنىڭ تەسىر كۈچى ناھايىتى زور بولغان، يەنە كېلىپ دۆلەتمەن ئائىلىلەر بىلەن بىرلىشىۋالغاچقا، ھەتتا پومېشچىكلارنىڭ چېگرىدىن كىرىشىگىمۇ يول قويۇلمىغان. يېغىلىق دەۋرىدىن بۇيان مۇھىم سامۇرايلار ۋاسساللىق بەگلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1871-يىلى نارا ناھىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن.

ياماتو دۆلىتى

  • ياماتو دۆلىتى[يەشمىسى:] «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى. ۋېي پادىشاھلىقى تەزكىرىسى. ياپونلار تەرجىمىھالى» دا ياپونىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت دەپ خاتىرىلەنگەن. ئايال پادىشاھى بولغان. تەخمىنەن 70 مىڭدىن ئارتۇق تۈتۈن بولغان. ياپونىيە تارىخ ساھەسىدىكىلەر خاتىرىلەنگەن ئارىلىق ۋە چوڭ قەبرىلەرگە ئاساسلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ھېسابلاپ چىققان. بۇنىڭدا، ئاساسەن، ياماتو (ھازىرقى نارا ناھىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى) ۋە كىيۇسىيۇ دېگۈچىلەر بولغان. ياماتو دېگۈچىلەر ياماتونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قەدىمكى قەبرىلەرگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ كىيۇسىيۇ دېگۈچىلەرمۇ كۇماموتو، كاگوسىما، ئوئىتا، ناگاساكى دېگۈچىلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھازىرغىچە مۇقىملاشمىغان. بۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى شال، ئاق كەندىر تېرىغان، ئۈجمە ئۆستۈرۈپ پىلە قۇرتى باققان، شوينا ئەشكەن، سەرناخ، شايى توقۇغان، ھاراقنى ياخشى كۆرگەن، دېڭىزغا چىقىپ بېلىق-قۇلۇلىلەرنى تۇتۇشقا ئۇستا بولغان. پايتەختلىرىدە شەھەرلەر بارلىققا كېلىپ، بار-يوقىنى ئالماشتۇرغان. ئايال پادىشاھنىڭ قول ئاستىدا، ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بولغان، كاتتىلار بىلەن تۆۋەن ئائىلىدىكىلەر دەپ ئايرىلغان، دېدەك ۋە ئەسىر قۇللار بولغان، ئۇرۇق-نەسەبلەر يۇقىرى-تۆۋەن دەپ دەرىجە ئېنىق ئايرىلغان. ئايال پادىشاھ ھىمىكو دەۋرىدە، ئىنىسى دۆلەتنى باشقۇرۇشقا ياردەم بەرگەن. ئولتۇراق جايىغا مۇھاپىزەتچىلەر قويۇلغان. ئىجارە ھەققى يىغقان. قانۇنغا يېنىك خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ خوتۇنى مۇسادىرە قىلىنغان، ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ئۇرۇق-جەمەتى قۇرۇتۇۋېتىلگەن. ئەتراپىدىكى 20 نەچچە دۆلەت ئۇنىڭغا قارام بولۇپ، ئۇ دۆلەتلەردە ئورگان تەسىس قىلىپ نازارەت قىلغان. ئۆزىگە قارىمۇ قارشى بولۇپ تۇرغان گۇنۇ دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. جۇڭگو بىلەن ئەلچى ئەۋەتىشىپ تۇرغان. ئايال پادىشاھ ھىمىكو ئۆلگەندىن كېيىن، پادىشاھلىق تەختكە ئۆز قوۋمىدىكى ئايال يىيۇ ۋارىسلىق قىلغان.

ياماماتوگوننوخيو

  • ياماماتوگوننوخيو[يەشمىسى:]Yamamoto Gon nohyoe، 1852 — 1933) ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1913 — 1914، 1923 — 1924-يىللاردا)، دېڭىز ئارمىيە ئادمېرالى. سامۇ ۋاسساللىقىدىكى سامۇرايلىقتىن كېلىپ چىققان. ۋۇچىن ئۇرۇشى ۋاقتىدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان. دېڭىز ئارمىيە مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىدا دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرىنىڭ ئادىيۇتانتى، باش شتابنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1895-يىلى ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان، 1898-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ قارارلىق ئىچكى كابىنېتنىڭ دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1904-يىلى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ داجياڭلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. 1913-يىلى ئىچكى كابىنېتنى تەشكىل قىلىپ، مالىيەنى رەتكە سېلىش، ئەمەلدارلارنى قىسقارتىش، مەمۇرىي ئەمەلدارنى تەيىنلەش بۇيرۇقىنى ئۆزگەرتىش، ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئەمەلدارلارنىڭ ئارمىيە ۋەزىرى بولۇش تۈزۈمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويغان. 1923-يىلى كانتوندا يەر تەۋرىگەندە ئىككىنچى قېتىم ئىچكى كابىنېتنى تەشكىل قىلغان. ئىككىنچى يىلى خۇمىڭ ۋەقەسى (نانىۋا ئوسۇكې توكيونىڭ خۇمىڭ دېگەن يېرىدە مۇۋەققەت ھاكىم، شاھزادە مىيا تاغىغا زەربە بېرىش ۋەقەسى) تۈپەيلىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پېشقەدەم خادىمى ۋە سامو زومىگەرلىرىنىڭ باشلىقى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن تەسىرى خېلى زور بولغان. 

ياماچى تويۇنۇبۇ

  • ياماچى تويۇنۇبۇ[يەشمىسى:]1827 — 1872) ياپونىيە توكۇگاۋا شوگناتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، توسا ۋاسساللىقىنىڭ بېگى. بالا چېغىدىكى ئىسمى خۇيۋىي، تەخەللۇسى رۇڭتاڭ، توسا ۋاسسالىنىڭ شىرەم جەمەتى ياماچىنىڭ ئوغلى. 1848-يىلى مۇشۇ جەمەتكە ئۆتۈۋېلىپ 15-ئەۋلاد ۋاسسال بېگى بولغان. 1853-يىلى پېرورىي پاراخوت ئەترىتىنى باشلاپ ياپونىيىگە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ۋاسساللىقنى ئىسلاھ قىلىپ، كۈچلۈك ۋاسساللارنى بىرلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ 1858-يىلى ماتسودا يىرا يوشىنايا، شىمازو نارىئاكىرا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە توكۇگاۋا يوشنوبۇنى سانغۇن قىلىشنى قۇۋۋەتلىگەن. 1859-يىلى تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاش جازاسى بېرىلگەن. 1862-يىلى كەچۈرۈم بىلەن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، خاندانلىق بىلەن ۋاسسال مەھكىمىسىنىڭ بىرلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. 1867-يىلى گوتوشوجىرونىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ۋاسسال مەھكىمىسىنى ھاكىمىيەتنى قايتۇرۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلغان. 1868-يىلى پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش چاغلىرىدا توكۇگاۋا يوشنوبۇنى ئىستېپا بېرىپ، يەرلەرنى تەقسىم قىلىشقا بۇيرۇشقا قارشى تۇرغان. يېڭىلىققا كۆچۈش ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يىدىڭ، ئىچكى ئىشلار باش ۋالىيسى، يۇقىرى ئىدارە باشلىقى، مەكتەپ ئامبىلى بولغان. 

ياماچى ئىرۇرۇ

  • ياماچى ئىرۇرۇ[يەشمىسى:] يەنى «ياماچى تويۇنۇبۇ». 

ياماكا تابانمومو

  • ياماكا تابانمومو[يەشمىسى:]5NDA 1748 — 1921) ياپونىيىنىڭ ئىدو دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سودىگەرلىكتىن كېلىپ چىققان ئالىم. بانمو (بۈگۈنكى خىگو ناھىيىسىنىڭ ئىننامى دېگەن يېرى) ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى ناگاتانى كاۋا، كېيىن ياماكاتا ياشىخىدىگە ئۆزگەرتىلگەن. ياش ۋاقتىدا ئوساكادىكى باي سودىگەر ماشۇياخېموننىڭ شۆبە دۇكىنى خىساخوئوي ئائىلىسىدە ئىشلەپ، باش ھېساباتچى بولغان. مۇشۇ دۇكاننىڭ تىجارەت قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ بەرگەن. تېگىشىش كەسپىدىن باشقا، سېنداي ۋاسسالىغا ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سېنداي ۋاسسالىغا مالىيە باشقۇرۇپ بەرگەن ھەمدە ۋاسسال بەگلىرىدىن ئون نەچچە كىشىنى قەرز ئوبيېكتى قىلغان. سودا بىلەن شۇغۇللىنىشتىن باشقا ناكاي تاكېزو (1730 — 1804) قاتارلىقلاردىن جوشى تەلىمىنى ئۆگەنگەن ھەم جۇزىيۈن تەلىمىگىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن. 1802 — 1820-يىللاردا ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، ئىلاھىيەت، تارىخ، تۈزۈم، ئىقتىساد، سىياسىي خاتىرە، بىدئەت، مۇلاھىزە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 توملۇق «مۇنزىدەي» نى يازغان. يەر تەۋرەش تەلىماتىغا ئىشەنگەن. خۇداسىزلىقنى تەشەببۇس قىلغان. ماتېرىيالىزملىق ئامىل بىلەن تولغان ھەمدە ياپونىيىنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدىن گۇمانلانغان، كۆپ جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس چۈشەنچىلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

ياماكاۋا خېتوشى

  • ياماكاۋا خېتوشى[يەشمىسى:]1880 — 1958) ياپونىيە سوتسىيالىستلار ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتچىسى. 1906-يىلى ياپونىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1908-يىلى قىزىل بايراق ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنىپ، ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. 1916-يىلى پايتەختكە بېرىپ شېئىرىيەت جەمئىيىتىگە قاتناشقان. ئاياللار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئائوياماكىكۇئې (1890 — 1980) بىلەن توي قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1920-يىلى ياپونىيە سوتسىيالىستلار ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلىشقا قاتناشقان. 1922-يىلى ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. پارتىيىنى تارقىتىش ۋە قانۇنلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغاچقا، ئوڭچىل ئاغمىچىلىقنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە تەنقىد قىلىنغان. كېيىن پارتىيىدىن ئايرىلىپ، ساقاي توشخىكو قاتارلىقلارغا ئوخشاش «ئەمگەكچى دېھقانلار گۇرۇھى» غا تەۋە بولۇپ، كومپارتىيىنىڭ ئىككى باسقۇچلۇق ئىنقىلاب نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغان. 1927-يىلى «ئەمگەكچى دېھقانلار» ژۇرنىلىنى چىقارغان. 1937يىلى خەلق فرونت ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان. 1939يىلى كېپىللىك بىلەن تۈرمىدىن چىققان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1946-يىلى دېموكراتىك خەلق فرونتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1950-يىلى سولچى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1951-يىلى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت قۇرغان. ئۇ «پرولېتارىياتنىڭ سىياسىي ھەرىكىتى»، «ياپونىيىنىڭ دېموكراتىك ئىنقىلابى ھەققىدە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. كېيىن «ياماكاۋا خېتوشى» دىن 20 توم نەشىر قىلىنغان. 

ياماگاتا ئارىتومو

  • ياماگاتا ئارىتومو[يەشمىسى:]1838 - 1922) ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1889 - 1891، 1900) قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ مارشالى، ياش چېغىدىكى ئىسمى كۇڭجېي، مېيجى يىللىرىدا يېڭىلىققا كۆچۈش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن. خونسىيو ۋاسساللىقىدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك سامۇرايلىقتىن كېلىپ چىققان. ئۇستازى كىستاتوكىۋا، مۇنتىزىم قوراللىق قىسىمنىڭ تەپتىشى، باش تەپتىشى بولغان، ۋۇچىن يىلىدىكى ئۇرۇش دەۋرىدە شەرققە يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1869-يىلى ياۋروپاغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈش ئىشىنى ئېلىپ بارغان، 1871-يىلىدىن كېيىن لەشكىرىي پىرقە باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە باشلىقى، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1889-يىلى 12-ئايدا ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن چاغدا «مائارىپ پەرمانى» ئېلان قىلغان. 1891-يىلى ئاقساقاللار قاتارىغا ئايرىلغان. 1893 — 1894يىللاردا زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىدا بىرىنچى جۈننىڭ قوماندانى بولغان، كېيىن يەنە باش شتابنىڭ ھەربىي تەپتىشى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1898-يىلى 11-ئايدا يەنە بىر قېتىم ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلىپ، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان ھەمدە سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1904-يىلى ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى ۋاقتىدا باش شتاپ باشلىقى ۋە ھەربىي پونكىتنىڭ باش نازارەتچىسى بولغان. كېيىن ئىككى قارارلىق زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى (1905-يىلى 12-ئايدىن 1909-يىلى 6-ئايغىچە، 1909-يىلى 11-ئايدىن 1922-يىلى 2-ئايغىچە) بولغان. ئۇزۇندىن بېرى فونسىيو مىلىتارىستلىرى سىستېمىسىنى يۆلەپ كەلگەن ھەمدە ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ، سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىقنى جىددىيلەشتۈرگەن.

ياموموتوسىئوروكى

  • ياموموتوسىئوروكى[يەشمىسى:]1884 — 1943) ياپونىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى. نىگاتا ناھىيىسىدىن. 1911-يىلى دېڭىز ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، دېڭىز ئارمىيە داشۆسىدە ئوقۇتقۇچى، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى بولغان. 1933-يىلى بىرىنچى ئاۋىئاتسىيە قوشۇنىنىڭ قوماندانى بولغان، 1935-يىلى ئاۋىئاتسىيە قىسمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1936-يىلى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1939-يىلى بىرلەشمە پاراخوت ئەترىتىنىڭ قوماندانى بولغان. 1940-يىلى دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى بولغان. 1941-يىل 12-ئاينىڭ 8-كۈنى پىئورىل-خارىبور تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. 1943-يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئايروپىلان بىلەن جەنۇبتىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە سولومىن تاقىم ئارىلىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئامېرىكا ئايروپىلانى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۆلگەندىن كېيىن مارشال دېگەن نام بېرىلگەن.

يانچىلىق تۈزۈم ئىسلاھاتى

  • يانچىلىق تۈزۈم ئىسلاھاتى[يەشمىسى:] يەنى «روسىيىنىڭ 1861-يىلىدىكى ئىسلاھاتى». 

يانكې

  • يانكې[يەشمىسى:] ئىنگلىزچە Yankee نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ⅩⅦ ئەسىردىكى گوللاندىيە تىلىدىن مەيدانغا كەلگەندەك قىلىدۇ، ئۇنىڭدا كىشىلەرنى مەنسىتمەسلىك ۋە ھەزىل قىلىش پۇرىقى بار. ئىككى مەنىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى، ئامېرىكىلىقلار ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالدىكى يېڭى ئىنگلىزلارنى مۇشۇنداق دەپ ئاتايدۇ، بۇنى «شىماللىقلار» دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ؛ يەنە بىرى، غەيرىي ئامېرىكىلىقلار ئامېرىكىلىقلارنىمۇ مۇشۇنداق دەپ ئاتايدۇ، بۇنى «ئامېرىكىلىقلار» دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ.

يانۇس

  • يانۇس[يەشمىسى:]Ianus). قەدىمكى رىم ئەپسانىلىرىدىكى ئىشىك ئىلاھى. ھەممە ئىشلارنىڭ باشلىنىشىنى ئىدارە قىلىدۇ شۇنداقلا بارلىق شەيئىلەرنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئاخىرىغىچە خەيرلىك بولۇشىنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمكى رىملىقلار ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ياكى ھەر كۈنى سەھەردە يانۇسقا دۇئا قىلىپ، ھەممە ئىشنى ئوڭۇشلۇق قىلىشنى تىلەيتتى. لاتىن تىلىدا 1-ئاي يانۋار (Ianuarius) دەپ ئاتىلىدۇ. رىم ئاقچىسىغا يانۇسنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ ئوڭ-سول ئىككى خىل قىياپەتتە ئوخشاش بولمىغان ئىككى تەرەپكە قاراپ تۇرىدىكەن. ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ بىرى ئۆتمۈشكە، يەنە بىرى كەلگۈسىگە قاراپ تۈرىدىكەن. رىمدىكى ئاممىۋى ئىمارەتلەر ۋە ئادەتتىكى تۇرار جايلارنىڭ ئىشىكلىرىدىمۇ يانۇسنىڭ سۈرىتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ «كىرىش-چىقىش ئېغىزى» دېگەن مەنىسىمۇ بار. قەدىمكى رىم مەيدانىدا يانۇس ئىبادەتخانىسى بولۇپ، ئۇنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي ئىككى چوڭ دەرۋازىسى بار ئىكەن، بۇ دەرۋازىلارنىڭ بىرى بىر كۈننىڭ باشلىنىشىغا، يەنە بىرى شۇ كۈننىڭ ئاخىرلىشىشىغا سىمۋول قىلىنغانىكەن؛ ئۇرۇش ۋاقتىدا بۇ دەرۋازىلار ئېچىلىدىكەن، تىنچلىق ۋاقتىدا تاقىلىدىكەن، بۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا يانۇسنىڭ رىملىقلارنىڭ جەڭگە ئاتلىنىشىغا ياردەمدە بولغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى تىنچ-ئامان ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. يانۇسنىڭ ئىلاھلىقى خېلى كەڭ بولۇپ، ئېيتىلىشىچە ئۇ يەنە دېھقانچىلىق، قۇرۇلۇش، ساياھەت، پۇل قۇيۇش قاتارلىق ئىشلارنىمۇ باشقۇرىدىكەن.

ياۋا

  • ياۋا[يەشمىسى:]Jawa)ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت ياكى ياۋا دېگەن ياۋادۋىپا (Yavadvipa) نىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت، دەپ قارىلىدۇ. بۇرۇنقى ئورنى بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە سوماترادا، بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ياۋادا بولۇپ، يەنە بەزىلەر مۇشۇ ئىككى ئارالنىڭ قوشۇپ ئاتىلىشى دەپ قارايدۇ. مىلادى 435-يىلى (ليۇ سوڭ يۇەنجيا 12-يىلى ) جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. تاڭ سۇلالىسىدە يەنە كالنىگا دۆلىتىگە قارىتىلغان. سۇڭ سۇلالىسىگە كەلگەندە، ھازىرقى ياۋانى كۆرسەتكەن. يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە «ياۋا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ھازىرغىچە شۇ پېتى قوللىنىلماقتا.

ياۋا دۋىپا

  • ياۋا دۋىپا[يەشمىسى:]Yavadvipa) ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئېنىق ئەمەس. ئاساسەن ياۋادا ۋە سۇماترادا دېگەن گەپ بار ياكى بۇ ئىككى ئارال قوشۇلۇپ شۇنداق ئاتالغان دېگۈچىلەرمۇ بار. ھىندىستاننىڭ «رامايانا» داستانى ۋە مىلادى Ⅱ ئەسىردە ئۆتكەن يۇنان جۇغراپىيە ئالىمى پتولېمېينىڭ ئەسەرلىرىدە بۇ دۆلەت تىلغا ئېلىنغان. جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابلىرىدا يېجۇ دەپ تەرجىمە قىلىنغان. «كېيىنكى خەننامە» دە خاتىرىلىنىشىچە، 131-يىلى (شەرقىي خەن سۇلالىسى يۇڭجيەن ئالتىنچى يىلى) يېجۇ دۆلىتى جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. 413 -يىلى (جىن سۇلالىسى يىشى توققۇزىنچى يىلى) جۇڭ-گولۇق راھى-ب فاشيەن سىمخالا (ھازىرقى سىرىلانكا) دىن شەرققە قايتىپ كېلىشىدە بۇ دۆلەتنى بېسىپ ئۆتكەن. 

ياۋا ئۇرۇشى

  • ياۋا ئۇرۇشى[يەشمىسى:] يەنى «دىپو نېگورو ئۇرۇشى». 

ياۋايىلار

  • ياۋايىلار[يەشمىسى:]Barbari)، قەدىمكى يۇنانلىقلار ۋە رىملىقلار كۆپ ھاللاردا ئۆزلىرىدىن باشقا قەدىمكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى «ياۋايى مىللەت» دەپ كەمسىتكەن. بۇ كەمسىتىپ ئاتاش ئاساسەن ياۋروپانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئالمانلار (گېرمانلار)، كېلتالار، سلاۋىيانلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئاسىيا، ئافرىقا رايونىدىكى ئاھالىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. كلاسسىك يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە غەيرىي يۇنانلىقلار، غەيرىي رىملىقلار كۆپىنچە «مەدەنىيەتسىز يەرلەردىكى خەلقلەر» دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ مەنىسى ياۋايى مىللەت دېگەنلىك بولىدۇ. 

ياۋايى مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشى

  • ياۋايى مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشى[يەشمىسى:] يەنى «مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشى».

ياۋايىلىق دەۋرى

  • ياۋايىلىق دەۋرى[يەشمىسى:] ئامېرىكىلىق ئانتروپولوگ مورگان ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى باسقۇچلارغا ئايرىشتا ئىشلەتكەن ئاتالغۇ. نادانلىق دەۋرىدىن كېيىنكى، مەدەنىيەت دەۋرىنىڭ ئالدىدىكى تارىخىي باسقۇچنى كۆرسىتىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ساپال ئىشلەش تېخنىكىسى كەشپ قىلىنغاندىن باشلىنىپ، يېزىقنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە قوللىنىلىشى بىلەن ئاياغلىشىدۇ. ئۇ يەنە تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقىرى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. تۆۋەن باسقۇچ ساپال ئىشلەش تېخنىكىسى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ باسقۇچقا تەۋە قەبىلە دەلىلى مىسسورى دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئىندىئانلار قەبىلىسى. ئوتتۇرا باسقۇچ شەرقىي يېرىم شاردا مال بېقىش بىلەن باشلانغان، غەربىي يېرىم شاردا بولسا كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنى سۇغىرىپ تېرىش، شۇنىڭدەك ئۆي-جاي سېلىشقا كېسەك ۋە تاش ئىشلىتىش بىلەن باشلانغان، بۇ باسقۇچقا تەۋە قەبىلە دەلىلى نىۋ مېكسىكا، مېكسىكا، پېرۇ ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى قاتارلىق جايلاردىكى ئىندىئانلار. يۇقىرى باسقۇچ تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ كەشپ قىلىنىشى بىلەن باشلىنىپ، يېزىقنىڭ ئىشلىتىلىشى بىلەن ئاخىرلاشقان. بۇ باسقۇچقا تەۋە قەبىلە دەلىلى گومىر دەۋرىدىكى يۇنان قەبىلىسى، پادىشاھ ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى رىم قەبىلىسى، كائېسار دەۋرىدىكى گېرمان قەبىلىسى. مورگان ياۋايىلىق دەۋرىدىكى تۆت خىل مۇۋەپپەقىيەت: ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىش، زىرائەت يېتىشتۈرۈش، تاش ماتېرىياللار بىلەن ئۆي سېلىش ۋە تۆمۈر تاۋلاشتىن ئىبارەت، دەپ كۆرسەتكەن. ھازىرقى زامان پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، مورگان دەلىل كەلتۈرگەن قەبىلىلەرنىڭ بەزىلىرى مۇۋاپىق كەلمەي قالدى، مەسىلەن: مېكسىكىدىكى ئىندىئانلار (مايالار) تېخى مېتال قوراللار بولمىغان شارائىتتا سىنىپىي جەمئىيەتكە كىرىپ بولغان. ئېنگېلس «ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى» دا: «ياۋايىلىق دەۋرى» ئۇقۇمىنى قوللانغان، لېكىن ئۇنى تولۇقلاپ ئىزاھلاپ، بۇ«چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىقنى ئۆگىنىۋالغان دەۋر، ئىنساننىڭ پائالىيىتىگە تايىنىپ تەبىئەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپەيتىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالغان دەۋر» دەپ كۆرسەتكەن. («ماركس-ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى»، 4-توم، خەلق نەشرىياتى 1972-يىلى خەنزۇچە نەشرى، 23-بەت)؛ بولۇپمۇ بىرىنچى، ئىككىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتىنى، تاۋار ئالماشتۇرۇش، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك، قۇللۇق تۈزۈم، سىنىپلارغا ئايرىلىش، پاترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى ئائىلە، ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلارنى ياۋايىلىق دەۋرگە قوشقان، بۇنىڭ بىلەن بۇ دەۋرنىڭ تارىخىي ئورنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك كۆرسىتىپ بېرىلگەن. ياۋايىلى-ق دەۋرىنىڭ باشقا دەۋرگە ئايرىش ئۇسۇللىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلمىسى تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلدى:\=[LM]〖HT5〗〖BG(!〗〖BHDFG3*2,FK9ZQ,K5ZQ,K5ZQ,K5ZQ,K9ZQ,FK5ZQF〗〖HJ0〗〖FT5”,6NDA〗مورگانچە دەۋرگە ئايرىش〖〗ئارخېئولوگىيىلىك دەۋرگە ئايرىش〖〗گېئولوگىيىلىك دەۋرگە ئايرىش〖〗ئانتروپولوگىيىلىك دەۋرگە ئايرىش〖〗ئىجتىمائىي تارىخ بويىچە دەۋرگە ئايرىش〖〗يىل 〖HT5〗〖BHDG81,FK4,K01,K5,K5,K9,K5F〗〖GP〗〖FT5”,6NDA〗ياۋايىلىق دەۋر〖HT5〗〖〗〖ZB(〗〖BHDG6,K5。2〗تۆۋەن باسقۇچ〖〗يېڭى تاش قوراللار 〖BH〗ئوتتۇرا باسقۇچ〖〗برونزا − تاش قورال-〖FT5,5”NDA〗لار تەڭ ئىش-〖FT5NDA〗لىتىلگەن 〖BH〗يۇقىرى باسقۇچ〖〗〖FT5NDA〗برونزا قو-راللار، تۆ-مۈر قو-راللار 〖ZB)〗〖〗〖GP〗〖FT4”NDA〗پۈتۈنلەي يېڭى دۇنيا〖〗〖GP〗〖FT4”NDA〗ھازىرقى زامان ئادەملىرى 〖HT5〗〖〗〖ZB(〗〖BHDG6,K9ZQ〗〖FT5NDA〗ماترىئارخال ئۇرۇق راسا گۈللەنگەن دەۋر (جۈپ نىكاھ)〖BH〗پاترىئارخال ئۇرۇق  (پاترىئارخال) تۈزۈ-مىدىكى جەمەت)〖BH〗پاترىئارخال ئۇرۇق پارچىلانغان دەۋر (بىر ئەرخوتۇنلۇق تۈزۈم)〖ZB)〗〖〗〖FT5”NDA〗بۇنىڭ−دىن 10000 يىل ئىلگىرى بۇنىڭدىن 5000 — 2000 يىل ئىلگىرى 〖BG)F〗

ياۋروپا ئەركىن سودا ئىتتىپاقى

  • ياۋروپا ئەركىن سودا ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]يەنى كىچىك ئەركىن سودا رايونى ياكى يەتتە دۆلەت گۇرۇھى دەپ ئاتىلىدۇ. ياۋروپادىكى بەزى كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي بىرلەشمە تەشكىلاتى. 1958-يىلى ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئاۋسترىيە، دانىيە، نورۋېگىيە، پورتۇگالىيە، شۋېتسارىيە، شۋېتسىيە بىلەن بىرلىشىپ، 1960-يىلى 1-ئايدا ستوكھولمدا «ياۋروپا ئەركىن سودا ئىتتىپاقى قۇرۇش ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالىغان. شۇ يىلى 5-ئايدا شەرتنامە كۈچكە ئىگە بولغاندا، ئىتتىپاق رەسمىي قۇرۇلغان. ئاساسىي مەزمۇنى: ئۆزئارا سانائەت بۇيۇملىرى سودا چېكىنى ۋە چېگرا بېجىنى پەيدىنپەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ باشقا دۆلەتلەرنىڭ سانائەت بۇيۇملىرىغا قارىتا تۈرلۈك چېگرا بېجى نىسبىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ئەركىن سودىنى يولغا قويماسلىق قاتارلىقلار. فىنلاندىيە بىلەن ئىسلاندىيە 1961-يىلى 6-ئاي ۋە 1970-يىلى 3-ئايدا ئەزا بولغاندىن كېيىن جەمئىي توققۇز دۆلەت بولغان. 1973-يىلى 1-ئايدا ئەنگلىيە بىلەن دانىيە ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىگە رەسمىي ئەزا بولۇپ ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، قالغان يەتتە دۆلەتمۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ، غەربىي ياۋروپادىكى 16 دۆلەتتە ئەركىن سودا رايونى تەشكىللەپ، ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى بىلەن ياۋروپا ئەركىن سودا ئىتتىپاقىنىڭ قارشىلىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئاياغلاشتۇرغان، لېكىن يەتتە دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يەنىلا ياۋروپا ئەركىن سودا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ساقلاپ قېلىنغان. ئاساسلىق ئورگانلىرى مۇدىرىيەت، كاتىبات باشقارمىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. باش ئورگىنى جەنۋەدە تەسىس قىلىنغان. 

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق يىغىنى

  • ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق يىغىنى[يەشمىسى:]قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى ياۋروپا بىخەتەرلىك يىغىنى. بۇ يىغىنغا ياۋروپادىكى 31 دۆلەت ۋە تۈركىيە، سىپروس، ئامېرىكا، كانادا قاتناشقان. 1964-يىل 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ب د ت نىڭ 19-نۆۋەتلىك يىغىنىدا سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ يىغىننى چاقىرىش تەكلىپىنى پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان. 1972-يىلى 11-ئايدىن 1973-يىلى 6-ئايغىچە فىنلاندىيىنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدا 15 دۆلەتنىڭ باش ئەلچى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزگەن. رەسمىي يىغىن 1973-يىلى 7-ئايدا باشلانغان، تەييارلىق يىغىنى تۈزۈپ چىققان «خېلسىنكى ئاخىرقى تەكلىپى ھەققىدىكى كۆك تاشلىق كىتاب» نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، يىغىن ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئۆتكۈزۈلگەن. بىرىنچى باسقۇچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى بولۇپ، تەييارلىق يىغىنى ئوتتۇرىغا قويغان كۈنتەرتىپنى ماقۇللىغان ھەمدە ھەر كىم ئۆزىنىڭ ھەرقايسى مەسىلىلەرگە بولغان ئاساسىي مەيدانىنى بايان قىلغان؛ ئىككىنچى باسقۇچى مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى بولۇپ، ماھىيەت خاراكتېرلىك مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان، 35 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى 2400 نەچچە قېتىم يىغىن ئېچىپ، ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە «ئاخىرقى ھۈججەت» نى تۈزۈپ چىققان؛ ئۈچىنچى باسقۇچى باشلىقلار يىغىنى بولۇپ، 1975-يىل 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئېچىلىپ، «ئاخىرقى ھۈججەت» كە ئىمزا قويۇلغان. ئۇنىڭ مەزمۇنى تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ («تۆت سېۋەت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، يەنى ياۋروپا بىخەتەرلىكىدە ئىقتىسادىي، ئىلىم-پەن، تېخنىكا ۋە مۇھىت جەھەتتە ھەمكارلىشىش؛ خادىم، پىكىر ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش؛ بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش مەسىلىسى؛ يىغىننى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسى. ھۈججەت تولىمۇ ئۇزۇن ھەم مەزمۇنىنىڭ تايىنى يوق بولغاچقا، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە قارىتا چەكلەش كۈچى بولمىغان. «ياۋروپا بىخەتەرلىك يىغىنى» نىڭ بىرىنچى قېتىملىق داۋاملاشتۇرۇلغان يىغىنى 1977-يىلى 10-ئايدىن 1978-يىلى 3-ئايغىچە بېلگرادتا ئېچىلىپ كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغان، پەقەت مۈجمەل يىغىن ئاخباراتىلا ماقۇللانغان. ئىككىنچى قېتىملىق داۋاملاشتۇرۇلغان يىغىنى 1980-يىلى 11-ئايدا ئىسپانىيىنىڭ پايتەختى مادرىدتا چاقىرىلغان، پىكىر ئىختىلاپى تۇغۇلغاچقا يىغىن توختىتىپ تۇرۇلغان، يىغىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ماھىيەتلىك مەسىلىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمىغان. 1982-يىلى 2-ئايدا پولشا مەسىلىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا كەسكىن بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان. 

ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى

  • ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى[يەشمىسى:]ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى، ياۋروپا كۆمۈر-پولات تىجارەت بىرلەشمىسى، ياۋروپا ئېلېكترونىكا-ئېنېرگىيە تىجارەت بىرلەشمىسىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. فرانسىيە، فېدېراتىپ گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليۇكسېمبۇرگتىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت يۇقىرىدىكى ئۈچ تەشكىلاتنىڭ مۇدىرىيەت ئورگىنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 1965-يىلى 4-ئايدا «بىريۇسسېل شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان، لېكىن فرانسىيىنىڭ باشقا بەش دۆلەت بىلەن ئورتاق يېزا ئىگىلىك سىياسىتى مەسىلىسىدە پىكىر ئىختىلاپى بولغاچقا، 1967-يىلى 7-ئايغا كەلگەندىلا بىر تۇتاش ئورگان ئىشقا ئاشۇرۇلغان. ئۈچ تەشكىلاتنىڭ ئورتاق ئورگانلىرى مىنىستىرلار مۇدىرىيىتى، ياۋروپا كومىتېتى، ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپا سوت مەھكىمىسىدىن ئىبارەت. 1973-يىلى ئەنگلىيە، ئىرلاندىيە، دانىيە رەسمىي ئەزا بولغان، 1981-يىلى گرېتسىيىمۇ ئەزا بولغان. ئەزا دۆلەتلەر ئالتىدىن ئونغا كۆپەيگەن. 1986-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيىمۇ ئەزا بولۇپ كىرگەن. 

ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى

  • ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى[يەشمىسى:] ياۋروپا ئىقتىسادىي گۇرۇھى ياكى غەربىي ياۋروپا ئورتاق بازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. غەربىي ياۋروپادىكى ئاساسلىق كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي گۇرۇھ. 1957-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى فرانسىيە، فېدېراتىپ گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە ليۇكسېمبۇرگتىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت رىمدا «ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. 1958-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان. 1968-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگە كەلگەندە، ئەسلىدە بەلگىلەنگەن ئالتە دۆلەت ئارا سانائەت بۇيۇملىرىنى ئەركىن ئالماشتۇرۇش، چېگرا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىلانىنى مۇددەتتىن بىر يېرىم يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرغان. يەنە ئورتاق يېزا ئىگىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان چېگرا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئورتاق يېزا ئىگىلىك فوندى تەسىس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئالتە دۆلەت مال، ئەمگەك كۈچى ۋە مەبلەغ ئەركىن ئايلىنىپ تۇرىدىغان ئورتاق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ شەكىللەنگەن. 1973-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەنگلىيە، ئىرلاندىيە، دانىيە رەسمىي ئەزا بولغان. 1981-يىلى گرېتسىيە رەسمىي ئەزا بولغان، 3791 - 2791-يىللىرى نورۋېگىيە، ئاۋسترىيە، شۋېتسارىيە، شۋېتسىيە، ئىسلاندىيە، پورتۇگالىيە، فىنلاندىيە بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان، غەربىي ياۋروپادىكى 16 دۆلەتتە ئەركىن سودا رايونى قۇرغان. 1975-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1975يىلى 2ئايدا ۋە 1979يىلى 10ئايدا ئافرىقا، كارىپ دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئىككى قېتىم «لومې كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان. يەنە ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا رايونلاردىكى بىر قانچە ئون دۆلەت بىلەن ئالاقە باغلىغۇچى دۆلەت كېلىشىمى ياكى ئىمتىيازلىق چېگرا بېجى كېلىشىمى ئىمزالىغان. مىنىستىرلار مۇدىرىيىتى ئالىي سىياسەت بەلگىلەش ئورگىنى، ئىجرائىيە كومىتېتى ئالىي مەمۇرىي ئورگىنى، بۇ ئىككى ئورگان بېلگىيىنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا تەسىس قىلىنغان؛ ياۋروپا پارلامېنتى تەپتىش ئورگىنى بولۇپ، فرانسىيىنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان؛ سوت مەھكىمىسى ئالىي كېسىم چىقىرىش ئورگىنى بولۇپ، ليۇكسېمبۇرگتا تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇددەتلىك ھالدا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ۋە مىنىستىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تاشقى سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇپ تۇرغان. باش ئورگىنى بىريۇسسېلدا تەسىس قىلىنغان. ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن دۆلەتلەر 100 دىن ئاشىدۇ.

يەتتە پادىشاھ

  • يەتتە پادىشاھ[يەشمىسى:]يەنى «رىمنىڭ يەتتە پادىشاھى».

يەتتە تۇرار جاي ئۇرۇشى

  • يەتتە تۇرار جاي ئۇرۇشى[يەشمىسى:]1671 - 0571-يىللاردا ئىسپانىيە بىلەن پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىلىرىنىڭ پاراگۋاينىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئىيېزۇئىتلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. 1610-يىلىدىن باشلاپ، ئىيېزۇئىتلار پاراگۋاينىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تەخمىنەن 200 مىڭ كۋادرات كىلومېتر جاينى بېسىۋالغان ھەمدە 150 مىڭغا يېقىن گۇئارانسېسلارنى يەتتە تۇرار جايغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى ھاكىمىيىتىگە تاقابىل تۇرغان. 1750-يىلى ئىسپانىيە پورتۇگالىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، يەتتە تۇرار جاينى پورتۇگالىيە پادىشاھىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغاندا، ئىيېزۇئىتلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 7571 - 4571-يىللاردا ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى يەتتە تۇرار جايغا جازا يۈرۈشى قىلىپ، گۇئارانسېسلارنى ئورمانلىققا ھەيدەپ چىقارغان، ئىيېزۇئىتلار ئاخىرى مەغلۇپ بولغان. 1761-يىلى ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە ئىككى دۆلەت قايتىدىن كېلىشىم تۈزۈپ، پورتۇگالىيە يەتتە تۇرار جاينى ئىسپانىيىگە «قايتۇرۇپ بېرىش»، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسپانىيە كولونىيە (Colonia) سىنى پورتۇگالىيىگە بۆلۈپ بېرىشنى بەلگىلىگەن. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئىسپانىيىنىڭ مەزكۇر جايغا بولغان «ئىگىدارلىق ھوقۇقى» ئېتىراپ قىلىنىپ، پورتۇگالىيىنىڭ ئۇراگۋاي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى كېڭەيمىچىلىكى توختىتىلغان. 

يەتتە چوڭ فېئوداللار ھۆكۈمىتى

  • يەتتە چوڭ فېئوداللار ھۆكۈمىتى[يەشمىسى:]يەتتە ئاقسۆڭەك ھۆكۈمىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 2161 - 0161-يىللاردىكى رۇس مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىگە خىيانەت قىلغان ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمىتى. كىنەز مىستىسلاۋىسكىي (φ.И.Мстиславский، ؟ 2261-) باشچىلىقىدىكى يەتتە كىشىنىڭ ھەممىسى قەدىمكى نەسەبىي فېئوداللاردىن ئىدى. شۇڭا يەتتە چوڭ فېئوداللار ھۆكۈمىتى دەپ ئاتالغان. 1610-يىلى 6-ئايدا روسىيە-شۋېتسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن موسكۋا ئەتراپىدىكى كلۇشىنو (КЛушино) كەنتىدە ئۇرۇش قىلغاندا، شۋېتسىيە ئارمىيىسى ئارقىغا قايتىپ نەيزە ئۇرغانلىقتىن روسىيە ئارمىيىسى قاتتىق مەغلۇپ بولغان. بۇ چاغدا موسكۋادىكى ئاچارچىلىقتا قالغان خەلق چارپادىشاھىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، چار پادىشاھنىڭ سىياسىتىگە نارازى بولغان بەزى ئاقسۆڭەكلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چار پادىشاھ ۋاسلىي شۇيىسكىينى ئاغدۇرۇپ، يەتتە چوڭ فېئودال ھۆكۈمىتىنى تەشكىللىگەن. بۇ ھۆكۈمەت شۇ يىلى 8-ئايدا پولشا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بىلەن سۈلھ تۈزۈپ، پولشا شاھزادىسى ۋلادۇسلاۋنى (شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ۋلادۇسلاۋ Ⅳ بولغان) روسىيىنىڭ چار پادىشاھى قىلىپ تۇرغۇزغان. 9-ئايدا يەنە پولشا ئارمىيىسىنى كېچىسى مەخپىي ھالدا موسكۋاغا باشلاپ كىرىپ، بارلىق ئىستىھكام بازىلىرىنى ئىگىلىۋالغان. بىراق پولشا كورۇلى زۇگمۇنت Ⅲ ئۆزى چارپادىشاھ بولۇۋېلىش نىيىتىدە بولغاچقا، شاھزادىنى موسكۋاغا بارغىلى قويمىغان ھەمدە يېڭى ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تۇتۇپ تۇرغان. روسىيە خەلقى پولشا ۋە شۋېتسىيە ئارمىيىسى پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇۋاتقان ۋە خەلقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان، دۆلەت بۆلۈنۈپ كەتكەن ۋە ھالاك بولغان پەيتتە، قوزغىلىپ خەلق ئارمىيىسى تەشكىللەپ، تاجاۋۇزچىلارغا تاقابىل تۇرغان. 1612-يىلى 8-ئايدا، خەلق ئارمىيىسى موسكۋاغا يېقىنلىشىپ كەلگەن؛ 10-ئايدا، شەھەر ئىچىدىكى پولشا ئارمىيىسىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلىپ، موسكۋانى ئازاد قىلغان، شۇنىڭ بىلەن يەتتە چوڭ فېئوداللار ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغان. 

يەتتە دۆلەت دەۋرى

  • يەتتە دۆلەت دەۋرى[يەشمىسى:]Heptarchy) ئەنگلىيىنىڭ دەسلەپكى تارىخىدىكى يەتتە دۆلەت بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان دەۋر. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن Ⅵ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىنگلىزلار (Angles)، ساكسونلار ۋە جۇتېسلار كەينى-كەينىدىن ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىن دېڭىز ئارقىلىق برىتانىيە ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. يەرلىك كېلتلارنى بويسۇندۇرۇش جەريانىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇقداشلىق قەبىلىلىرى تېزدىن پارچىلىنىپ، Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەتتە پادىشاھلىق بولۇپ شەكىللىنىپ، يەتتە دۆلەت دەۋرى باشلانغان، بۇ يەتتە دۆلەت: شەرقىي سېكس (Essex)، جەنۇبىي سېكس (Sussex)، غەربىي سېكس (Wessex)، شەرقىي ئانگلىيە (East Anglia)، مېرسىيە (Mercia) ۋە نورسۇمبرىيە (Northumbria)، كېنت (Kent) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ، بىردەم بۆلۈنۈپ، بىردەم قوشۇلۇپ تۇرغان. نورسۇمبىرىيىنىڭ كورۇلى ئېدۋىن (Edwin) ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغاندا (تەخمىنەن - 236 606)، بىر مەھەل مۇشۇ بىرنەچچە دۆلەتنىڭ (كېنتدىن باشقا) پاترىئارخالى بولغان. مېرسىيە كورۇلى ئوففا (Offa) ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان چاغدا (تەخمىنەن 697 - 757)، خۇمبېر (Humber) دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بۇيسۇندۇرغان ھەمدە قۇدا بولۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق نورسۇمبرىيىنى كونترول قىلغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، يەتتە دۆلەت كەينى-كەينىدىن دانىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. Ⅸ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەربىي سېكسنىڭ كورۇلى ئېگبېرت ئالتە دۆلەتنى قوشۇۋېلىپ، بىرلىككە كەلگەن ئەنگلىيە پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ، يەتتە دۆلەت دەۋرى ئاياغلاشقان. يەتتە دۆلەت دەۋرىدە ئەنگلىيە فېئوداللىق تۈزۈم شەكىللىنىشنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە تۇرغانلىقتىن، جىسمانىي بېقىندىلىق ۋە يەرنى سۇيۇرغال قىلىش ئىشى راۋاجلىنىۋاتقانىدى.

يەتتە ھەپتىلىك ئۇرۇش

  • يەتتە ھەپتىلىك ئۇرۇش[يەشمىسى:]يەنى «پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشى».

يەتتە ئىدىر

  • يەتتە ئىدىر[يەشمىسى:]يەنى «رىمدىكى يەتتە ئىدىرلىق».

يەتتە يۇلتۇز ئىلاھى

  • يەتتە يۇلتۇز ئىلاھى[يەشمىسى:]قەدىمىي بابىلۇنلۇقلار مېسوپوتامىيە ۋادىسىدا تارقالغان رىۋايەتتىكى ئىلاھلارنى ئاسمان ھادىسىسىدىكى يۇلتۇزلار تۈركۈمىنى كۆزىتىش بىلەن بىرلەشتۈرەتتى. ئۇلار جەمئىي يەتتە ئاساسلىق ئىلاھنى ئىززەتلەيتتى. بىر ھەپتە ئىچىدىكى يەتتە كۈننىڭ ھەر بىر كۈنىنى بىر ئىلاھ باشقۇرىدۇ (نۆۋەتچىلىك قىلىدۇ)، يەتتە كۈندە بىر ئايلىنىدۇ. يەنى: كۈن ئىلاھى شاماش (shamash) يەكشەنبە كۈنىنى باشقۇرىدۇ؛ ئاي ئىلاھى سىن (sin) دۈشەنبە كۈنىنى باشقۇرىدۇ؛ مارس نىسروچ (nisroch، جەڭ ئىلاھى) سەيشەنبە كۈنىنى باشقۇرىدۇ؛ مېركۇرى نابۇ (nabu ئەقىل ئىلاھى) چارشەنبە كۈنىنى باشقۇرىدۇ، يۇپىتېر ماردۇك (Marduk، ھەممە ئىلاھنىڭ بېشى) پەيشەنبە كۈنىنى باشقۇرىدۇ؛ ۋېنېرا ئىستار (Ishtar، مۇھەببەت ئىلاھى) جۈمە كۈنىنى باشقۇرىدۇ؛ ساتورن نىنۇرتا (ninurta، غەلىبە ئىلاھى) شەنبە كۈنىنى باشقۇرىدۇ دەپ قارايتتى. مانا بۇ كېيىنكى كۈنلەردە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ كېلىنىۋاتقان يەتتە كۈننى بىر ھەپتە قىلىشنىڭ مەنبەسى «ھەپتە» دېگەننىڭ ئەسلى مەنىسىنى يۇلتۇز كۈنى دېگەنلىك بولىدۇ.

يەتتە يىللىق ئۇرۇش

  • يەتتە يىللىق ئۇرۇش[يەشمىسى:]1756-يىلدىن 1763-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئەنگلىيە، پرۇسسىيە، ھاننوۋېر بىر تەرەپ، فرانسىيە، ئاۋسترىيە، روسىيە، ساكسۇنىيە، شۋېتسىيە، ئىسپانىيە يەنە بىر تەرەپ بولۇپ، ياۋروپا، ئامېرىكا، ھىندىستاندا ۋە دېڭىزدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇشقا ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكە ۋە سودا ئىشلىرىدا زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىشى شۇنىڭدەك پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ سېلىزانى تالىشىشى سەۋەب بولغان. ياۋروپادا، پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە، روسىيە، شۋېتسىيە، فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش پرۇسسىيىنىڭ ئاۋسترىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى بىلەن ئاياغلاشقان، 1763-يىلى «خۇبېرتوسبۇرگ شەرتنامىسى» ئىمزالانغان، پرۇسسىيە سېلىزانى ئاۋسترىيىنىڭ ئىلكىدىن تارتىۋېلىپ، ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىكى يېڭى گۈللەنگەن قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغان. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئاساسەن دېڭىزدا، شىمالىي ئامېرىكىدا، غەربىي ھىندىستان تاقىم ئاراللىرى ۋە ھىندىستاندا ئېلىپ بېرىلغان. 1755-يىلى ئەنگلىيە فرانسىيىنىڭ سودا كېمىلىرىگە كەينى-كەينىدىن ھۇجۇم قىلغاندا، فرانسىيە ئەنگلىيىنىڭ مىنوركا (minorca) ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1756-يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئەنگلىيە، فرانسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. دەسلەپتە فرانسىيە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەنگلىيە تەشەببۇسكارلىققا ئىگە بولۇپ، 1757-يىلى ھىندىستان-بېنگالنى كونترول قىلغان. 1759-يىلى فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى كۇيبېرون قولتۇقىغا (Baiede Quiberon) تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، فرانسىيە ئەسكەرلىرىنى زور تۈركۈملەپ يوقاتقان ھەمدە شىمالىي ئامېرىكىدا كانادانى قولغا كەلتۈرگەن. 1761-يىلى فرانسىيىنىڭ ھىندىستاندىكى كۈچىنى يوقاتقان. ئۇنىڭدىن باشقا فرانسىيە ئافرىقىنىڭ سېنېگال ۋە كىچىك ئانتىللېس تاقىم ئاراللىرىدا ئىنتايىن زور زىيانغا ئۇچراپ، سۈلھ تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. 1763-يىلدىكى «پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى» ئەنگلىيىنىڭ ئۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇستەملىكىلىرىگە كېپىللىك قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيە دېڭىز زومىگىرى بولغان. 

يەر بېرىش قانۇنى

  • يەر بېرىش قانۇنى[يەشمىسى:]ياپونىيىدە Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە يولغا قويۇلغان يەر تۈزۈمى. «ياپونىيە خاتىرىلىرى» گە قارىغاندا، مىلادى 641-يىلى (تايكا ئىككىنچى يىلى) ئىسلاھات يارلىقى ئېلان قىلىنىپ، يەر تاپشۇرۇش قانۇنى ۋە ئىجارە، سېلىق، ھاشار تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. ھۆكۈمەت ھەر يىلدا بىر قېتىم نوپۇس دەپتىرى تۈزۈپ، ئالتە ياشتىن يۇقىرى ئەرلەرگە ئىككى پارچە جان بېشى ئېتىزى بەرگەن، ئاياللارغا ئەرلەرگە بېرىلگەن يەرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغىچە يەر بەرگەن، خۇسۇسىي قۇل-دېدەكلەرگە ئەر-ئاياللارغا بېرىلىدىغان يەرنىڭ ئۈچتىن بىرىگە باراۋەر يەر ئۆي ئىگىسىگە بېرىلگەن. جان بېشى ئېتىزىنى ئۆمۈرۋايەت ئىشلىتىشكە بولغان، ئۆلگەندىن كېيىن يىغىۋېلىنغان. ئۆي-جاي، باغ-ۋاران يەرلىرى ئائىلە بويىچە بۆلۈپ بېرىلگەن. ئۆي-جاي يېرىنى مىراس قالدۇرۇشقا، ئېلىپ-سېتىشقا رۇخسەت قىلغان، بۇنىڭ بىلەن دېھقانچىلىق ئەمگەك كۈچلىرى تېرىلغۇ يەرگە بەند قىلىپ قويۇلغان. يەر تۈزۈمى ئاساسىدا، جان بېشى ئېتىزىنىڭ ھەربىر پارچىسى ئۈچۈن ئىككى سىقىم، ئىككى تۇتام شال (تەخمىنەن شۇ چاغدىكى مەھسۇلاتنىڭ 3 پىرسەنتى) تاپشۇرۇش بەلگىلەنگەن. ئۇ ئىجارە ھەققى قىلىنىپ، يەرلىك مالىيە ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن؛ بالاغەتكە يەتكەن ئەرلەر سېلىق ھېسابىدا شايى ياكى يىپەك، مەشۇت، رەخت تاپشۇرغان؛ ھاشار ئۈچۈن ھەر يىلى ئون كۈن ئىشلىگەن (ئۇنىڭ ئورنىغا رەخت بەرسىمۇ بولغان)، سېلىق ۋە ھاشار مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ مالىيەسى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن؛ تۈرلۈك ھاشارلار 60 كۈندىن تۆۋەن قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭ يولغا قويۇلغان يىلى توغرىسىدا، ياپونىيە تارىخچىلىرى ئىچىدە تالاش-تارتىش بار. بەزىلەر «ياپونىيە خاتىرىلىرى» گە ئاساسەن، 652-يىلى (بەيجژنىڭ بىرىنچى يىلى) پۈتۈنلەي يولغا قويۇلغان، دەپ قارايدۇ؛ بەزىلەر ئۇنىڭ كونكرېت بەلگىلىمىلىرى 701-يىلى (داباۋنىڭ بىرىنچى يىلى) تۈزۈلگەن «داباۋ پەرمانلىرى» دىن ئېلىنغان دەپ، تايكا ئىسلاھات يارلىقىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىدىن گۇمان قىلىدۇ. بۇ تۈزۈمنىڭ سۇي، تاڭ دەۋرىدىكى يەرنى تەڭ تەقسىم قىلىش تۈزۈمىگە تەقلىد قىلىنغانلىقى ئېنىق، لېكىن ئىجتىمائىي تەرەققىيات دەرىجىسى ۋە يەر شارائىتى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان. كېيىن يەر يېتىشمىگەنلىكتىن، يەر ئىشلىتىش يىل چېكى ئۇزارتىلغان، شۇنىڭدەك بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن، 723-يىلى (يورونىڭ 7-يىلى) «ئۈچ ئەۋلادقىچە ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى» جاكارلانغان، 743-يىلى (تيەنپىڭنىڭ 15-يىلى) «ئۆزلەشتۈرۈلگەن بوز يەر مەڭگۈ خۇسۇسىينىڭ مۈلكى بولۇش قانۇنى» جاكارلانغان، شۇنىڭ بىلەن خۇسۇسىيلار ئىگىلىگەن يەرلەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن. 902-يىلى (يەنشىنىڭ 2-يىلى) يەر بېرىش تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان، لېكىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمىغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ تۈزۈم تەدرىجىي بەربات بولغان.

يەر بېجى

  • يەر بېجى[يەشمىسى:]چاۋشيەندە لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى يەر بېجىنىڭ بىر خىلى. 1750-يىلى تەكشى سېلىق قانۇنى يولغا قويۇلغانلىقتىن، نوپۇس بېجىنىڭ يېرىمى ئازايتىلغان. دۆلەت خەزىنىسىنىڭ كىرىمىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، 1751-يىلى خۇڭ چىشى قاتارلىقلارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن. ھەر دۆۋىلىك يەردىن ئىككى كۈرە گۈرۈچ ياكى پۇل ھېسابىدا بەش مىسقال يەر بېجى ئالغان. ئەسلىدە باج كەچۈرۈم قىلىنغان پادىشاھ جەمەتىنىڭ يەرلىرىدىنمۇ باج ئېلىنغان. دەسلەپتە دېڭىز ياقىسىدىكى يەرلەردىن گۈرۈچ ئېلىنغان، كېيىن ھەممىسى پۇلغا ئۆزگەرتىلگەن، بۇ يەر بېجى دەپ ئاتالغان. 1844-يىلى يەنە بىر قىسىم جايلاردا گۈرۈچ ئېلىشقا ئۆزگەرتىلىپ، گۈرۈچ بىلەن ھېسابلاش دەپ ئاتالغان. 

يەر بېجى ئىسلاھاتى

  • يەر بېجى ئىسلاھاتى[يەشمىسى:]ياپونىيە مېيجى دەۋرىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى مۇھىم ئىسلاھاتلارنىڭ بىرى. مېيجى يېڭىلىقى دەۋرىدە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يەر تۈزۈمى ۋە يەر بېجى تۈزۈمىگە قارىتا بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. 1871-يىلى دېھقانلارنىڭ خالىغان زىرائەتنى تېرىشىغا يول قويۇلغان. ئىككىنچى يىلى يەر سودىسىنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى بىكار قىلىنىپ، يەرگە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ مۇقىملاشتۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. 1873-يىلىدىن باشلاپ يەر بېجى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ ئىسلاھات 1881-يىلىغا كەلگەندە ئاساسەن تاماملانغان. ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: (1) كونا يىللىق باج، يەردىن ئېلىنغان ھوسۇل مىقدارى بويىچە ئېلىنغان بولسا، يېڭى يەر بېجىدا قانۇنىي يەر باھاسى باج ئېلىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىنغان. (2) يەر بېجى نورمىسى ھوسۇلنىڭ ئاشقان-كېمەيگەنلىكىگە قاراپ ئېلىنماي، يەر باھاسىنىڭ ئۈچ پىرسەنتى قىلىپ بەلگىلەنگەن. (3) سۇلۇق يەر ياكى قۇرغاق يەر بولسۇن، بىردەكلا پۇل تاپشۇرۇش يولغا قويۇلغان. (4) يەرنى كىمنىڭ باشقۇرۇۋاتقانلىقى بىلەن ھېسابلاشماي، بىردەكلا يەر ئىگىلىرىدىن باج ئېلىش بەلگىلەنگەن. بۇ ئىسلاھات ئۈزۈل-كېسىل بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، كاپىتالنىڭ ئىپتىدائىي جۇغلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-شەھەرلەردىكى كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتكەن.

يەر پەرمانى

  • يەر پەرمانى[يەشمىسى:]روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىدىن كېيىن، سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپكى پەرمانلىرىنىڭ بىرى. لېنىن «پۈتۈن مەملىكەت دېھقانلىرىنىڭ ۋەكالەتنامىسى» نى ئاساس قىلىپ تۈزۈپ چىققان. 1917-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى (روسىيە كالېندارى بويىچە 10-ئاينىڭ 26-كۈنى) پۈتۈن روسىيە ئىشچى-ئەسكەرلەر ۋەكىلى سوۋېتىنىڭ 2-قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان. ئۇنىڭدا خۇسۇسىي يەر مۈلۈكچىلىكىنى بىكار قىلىش ئېلان قىلىنغان. يەر، ئورمان، كان بايلىقى، سۇ ئېقىنلىرى دۆلەت ئىگىلىكىدە بولىدۇ؛ پومېشچىك، خان جەمەتى، بۇتخانىلار، چېركاۋنىڭ يەرلىرى ۋە ئۇنىڭ تېرىلغۇ ئۇلاغلىرى، دېھقانچىلىق سايمانلىرى، قورۇق قۇرۇلۇشلىرى ۋە بارلىق شۇنىڭغا تەۋە نەرسىلەر يېزا يەر كومىتېتىغا ۋە ئۇ يېزىلىق (ناھىيىلىك) دېھقانلار ۋەكىللىرى سوۋېتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇ سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ يەر قانۇنىغا ئائىت تۇنجى ھۈججىتى بولۇپ، سوۋېت دۆلىتىنىڭ يەر سىياسىتىگە ئاساس سالغان.

يەر تەكشۈرۈش

  • يەر تەكشۈرۈش[يەشمىسى:]ياپونىيىدىكى يېغىلىق دەۋرىدىن ئېدونىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىگىچە ئېلىپ بېرىلغان دېھقانچىلىق يەرلىرىنى ئۆلچەش. بۇ — فېئودال خوجىلارنىڭ دېھقانچىلىق يەر كۆلىمىنى ئېنىقلاپ، سېلىق-باجنى كۆپەيتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى. دەسلەپ يېغىلىق دەۋرىدىكى چوڭ فېئودال تاكېدا، كېيىن ئوجى، ئودا قاتارلىقلارنىڭ خوجىلىق يەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان. 1582-يىلى تويوتسىمى خىدېكىچى ئالدى بىلەن ياماتو (ھازىرقى كيۇتونىڭ شەرقىي جەنۇبى) دا سىناق قىلىپ، ئاندىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يولغا قويغان، بۇ تارىختا «تەيگې يەر تەكشۈرۈشى» دەپ ئاتالغان. ئەگرى گەز بويىچە ئالتە گەز ئۈچ سۇڭ كۋادرات بىر ماڭدام، 30 ماڭدام بىر مو، 10 مو بىر بۆلەك (ياكى «فەن») قىلىنغان. ئۆلكە، بىنەم يەرلەر تۆت دەرىجىگە ئايرىلغان. ئۆلچەم بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. مەھسۇلات گۈرۈچنىڭ كۈرە سانى بىلەن ھېسابلانغان. ھەر دەرىجىلىك يەرلەرنىڭ يىللىق سېلىقى بىردەك گۈرۈچكە سۇندۇرۇلغان. تېرىغۇچىلار يىللىق سېلىقنى ئۈستىگە ئالغۇچى قىلىپ بەلگىلەنگەن، كەنتنى بىرلىك قىلىپ يىللىق سېلىق تاپشۇرۇلغان. يەر تەكشۈرۈش خوجىدارلارغا پايدىلىق بولغان، ئۇ قورۇق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرىنى تۈگەتكەن، ئارىلىقتىكى ئېكسپىلاتاتسىيىنى يوقاتقان، يەر ھەدىيە قىلىپ ھەق بەلگىلەش چارىسىنى يولغا قويۇپ، ھوقۇقنىڭ مەركەزلىشىشىنى شەكىللەندۈرۈشكە ماددىي ئاساس سالغان. ئېدو دەۋرىدە «تەيگې يەر تەكشۈرۈشى» چارىسىگە ۋارىسلىق قىلىنغان، ئالدىنقىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، «يېڭى تەكشۈرۈش» دەپ ئاتالغان. 

يەر تەڭشەش قانۇنى

  • يەر تەڭشەش قانۇنى[يەشمىسى:]ۋيېتنامنىڭ كېيىنكى لى سۇلالىسىنىڭ يەر سىياسىتى. 1429-يىلى، لى تەيزۇ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. لى جەمەتى خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە يەرگە بولغان ئىگىدارچىلىقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە تەكشى بولماسلىقىدەك ئەھۋالنى پەسەيتىش مەقسەت قىلىنغان. ئۇنىڭدا قاقاس ياكى مۇسادىرە قىلىۋالغان يەرلەرنى جامائەت يەرلىرى سۈپىتىدە، يۇقىرىدا ۋەزىرلەردىن، تۆۋەندە قېرى-ئاجىز، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلەر، ھەربىيلەر ۋە خەلقلەرگىچە تەقسىم قىلىپ بېرىشنى بەلگىلىگەن. بىراق كۆپ قىسىمىنى «مائاش-تەمىنات يېرى» سۈپىتىدە ئەمەلدارلارغا بۆلۈپ بەرگەن، ئاز بىر قىسىم يەرلەرنى ھەربىي ۋە خەلقلەرگە بۆلۈپ بەرگەن، بۇنىڭدا ھەربىيلەر بەش ئۈلۈش، ئاددىي پۇقرالار تۆت ئۈلۈش، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلەرگە ئۈچ ئۈلۈش يەر تەگكەن. يەرگە ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى پادىشاھقا مەنسۇپ بولغان، يەرگە ئىگە بولغۇچىلاردا پەقەتلا يەرنى تېرىش ھوقۇقى بولۇپ، چوقۇم ئىجارە ھەققى تاپشۇرۇشى شەرت قىلىنغان. بۇ سىياسەت دېھقانلارنى پادىشاھ جەمەتىنىڭ ياكى ئەمەلدارلارنىڭ ئورتاقچىلىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئەمما ئەينى زاماندىكى يەرلەرنىڭ ئاق تاشلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتلەردە مۇئەييەن رول ئوينىغان.

يەر تۈزۈمىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ بېكىتىش باشقارمىسى

  • يەر تۈزۈمىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ بېكىتىش باشقارمىسى[يەشمىسى:]چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ يەر بېجىنى بېكىتىش-يىغىش ئورگىنى. 1443-يىلى (شىزۇڭنىڭ 25-يىلى) قۇرۇلغان. بۇنىڭدىن مەقسەت لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىكى باج يىغىشتىكى ساختىلىقلارغا قارشى تۇرۇپ باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت. 1444-يىلى يېڭى باج قانۇنى يەنى ئولپان قانۇنى بېكىتىلگەن. تېرىلغۇ يەر ئالتە دەرىجىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئەمەلىي باج يىغىش ئۆلچىمىدە پەرق بولغان. يەرنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى مول ھوسۇل ئېلىنغان ياكى كەم ھوسۇل ئېلىنغانلىقىغا قاراپ توققۇز دەرىجىگە بۆلۈنۈپ، ھوسۇل مىقدارى بېكىتىلگەن. ئالتە دەرىجىلىك يەردىن ئېلىنىدىغان باج مىقدارى ئوخشاش بولغان. يىغىپ ئېيتقاندا، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ دەرىجىسى، يىللىق ھوسۇل ۋە ئۇنى بەلگىلەش ئۆلچىمى، ھەر دەرىجىلىك يەرلەرنىڭ ئەمەلىي يىغىمى، ئاق قالغان يەرلەر ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان يەرلەرنىڭ بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇشبۇ باشقارما بەلگىلىگەن ھەمدە ئولپان قانۇنىنى ئىجرا قىلىشتا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەسئۇل بولغان. ئىسلاھات 1489-يىلى (چېڭزۇڭنىڭ 20-يىلى) تاماملانغان. بۇ تۈزۈم لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغىچە داۋاملاشقان.

يەر تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلغۇچىلار

  • يەر تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلغۇچىلار[يەشمىسى:] چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا مۈلكىي ۋە ھەربىي ئەمەلدار-ئاقسۆڭەكلەر ئارىسىدىكى بىر سىياسىي گۇرۇھ. كورىيە دۆلىتى يۈەن سۇلالىسىگە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، زالىم ۋەزىر جەمەتلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەر — ئورمانلارنى ئۆزلىرى خالىغانچە قوشۇۋېلىپ، قورۇقلىرىنى كېڭەيتىشى، تېرىلغۇ يەر — ئورمان — مەرتىۋە تۈزۈمىنىڭ بەربات بولۇشى، دېھقانلارنىڭ يەر-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ سەرسان-سەرگەردان بولۇشى نەتىجىسىدە ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر ئۆتكۈرلىشىپ، فېئودال ھۆكۈمرانلىق تەۋرىنىپ قالغان. مۈلكىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلار ئىچىدە ئوتتۇرا، كىچىك پومېشچىكلاردىن كېلىپ چىققان يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن تۆرىلەر، زالىم ۋەزىر جەمەتلىرىنىڭ مۇتەئەسسىپلىك سىياسىتىگە قارشى چىقىپ، يەر تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، شۇ ئارقىلىق مالىيەنى تەرتىپكە سېلىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، فېئودال ھۆكۈمرانلىقنى ساقلاپ قالماقچى بولغان. تارىختا ئۇلار «يەر تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلغۇچىلار» دەپ ئاتالغان. بۇ گۇرۇھنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرى جاۋجۈن، لى شىڭ، خۇاڭ شۇنچاڭ، جاۋ رېنۋو، شۈيىڭ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇلار يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن ھەربىي ئىشلار ۋەزىرى لى سوڭگېنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1388-يىلى يەر تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتچىلىرى لىن جيەنۋېي، ليەن شىڭباڭ قاتارلىق زالىم ۋەزىر جەمەتلىرىنى تازىلاپ، ئوردىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن، شۇ يىلى لى سۇڭگې سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، شىن ۋونى يىقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شىن چاڭنى تىكلەش بىلەن سۇلالىنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئالغان. 1389-يىلى يەنە شىن چاڭنى يىقىتىپ گۇڭ راڭ خاننى تەختتە ئولتۇرغۇزۇپ، يەر تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان. ئىككىنچى يىلى بۇرۇنقى ئاۋام ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ يەر خەتلىرى دەپتىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىشكە پەرمان چۈشۈرگەن. 1391-يىلى يەر قانۇنى ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن لى سۇلالىسىگە ئاساس سېلىنغان.

يەر چىتلاش ھەرىكىتى

  • يەر چىتلاش ھەرىكىتى[يەشمىسى:]ئاقسۆڭەكلەرنىڭ دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى زورلۇق كۈچ بىلەن كەڭ كۆلەمدە تارتىۋېلىشنىڭ بىر خىل شەكلى. ئەنگلىيىدە تىپىك بولغان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، 300 يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئەنگلىيىدە يۇڭ توقۇمىچىلىقنىڭ گۈللىنىشى ئارقىسىدا، قوي يۇڭىنىڭ باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ، قويچىلىق ئىنتايىن نەپ بېرىدىغان بولغان. شۇنىڭ بىلەن، ئاقسۆڭەكلەر يېزا جامائەتلىرىنىڭ جامائە يەرلىرى ۋە دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە دائىرىلەپ چارۋىچىلىق مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىش ھەققى تۆۋەن ئاز ساندىكى ئىشچىلارنى ياللاپ قوي باقتۇرغان. نەتىجىدە، نۇرغۇنلىغان دېھقانلار ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىدىن مەھرۇم قېلىنىپ، تىرىكچىلىك قىلالماي، سەرگەردانغا ئايلىنىپ قالغان. توماس مورې «ئۇتوپىيە» دېگەن كىتابىدا بۇ ئەھۋالنى «قوينىڭ ئادەم يېيىشى» گە تەقلىد قىلغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئەنگلىيە دىن ئىسلاھاتىدا، موناستىر يەر مۈلكىنىڭ قايتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يەر دائىرىلەش ھەرىكىتى يېڭى تەرەققىياتقا ئىگە بولغان. لېكىن، دېھقانلارنىڭ ۋەيران بولۇشى بىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ باج مەنبەسى ۋە ئەسكەر مەنبەسىگە تەسىر يەتكەن، شۇنداقلا بۇ جەمئىيەتتىكى تىنچسىزلىقنىڭ مۇھىم ئامىلى بولۇپ قالغان، شۇنىڭ ئۈچۈن تۇدور خاندانلىقى قايتا-قايتا پەرمان («يەر دائىرىلەشكە قارشى نىزام») ئېلان قىلىپ، يەر دائىرىلەشنى چەكلىگەن، لېكىن بۇنىڭ ئۈنۈمى چوڭ بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، تۇدور خاندانلىقى بىر قاتار «قانلىق قانۇن» لارنى جاكارلاپ، سەرگەردانلارغا دەھشەتلىك تۈردە زىيانكەشلىك قىلىپ، 1549-يىلىدىكى كېت قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن كېيىن، پارلامېنت ⅩⅧ ئەسىردە يەر دائىرىلەشكە رۇخسەت قىلىش توغرىسىدىكى نۇرغۇن قانۇنلارنى ماقۇللاپ، يەر چىتلاش ھەرىكىتىنى قانۇنىيلاشتۇرغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، ئەنگلىيىدە دېھقانلار سىنىپ تەرىقىسىدە مەۋجۇت بولماي قالغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، يەر دائىرىلەش ھەرىكىتى شوتلاندىيە ۋە ئىرلاندىيىگىچە كېڭەيگەن. يەر دائىرىلەش ھەرىكىتى كاپىتالىستىك خاراكتېردىكى يەر مۇناسىۋىتى ئۆزگىرىشى، كاپىتالنىڭ ئىپتىدائىي جۇغلىنىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەنگلىيىدە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتكەن. 

يەر-جاي قانۇنى

  • يەر-جاي قانۇنى[يەشمىسى:]«ئۈلۈشلۈك يەر قانۇنى»، «كۆچمەنلەر قانۇنى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. ئامېرىكىدىكى جەنۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، 1862-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى لىنكولىن ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان. قانۇندا ئومۇمەن 21 ياشقا توشقان ئامېرىكا پۇقراسى ياكى تەۋەلىككە ئۆتۈش قانۇنى بويىچە ئۆز ئىختىيارى بىلەن تەۋەلىككە ئۆتكۈچىلەر ئەمەلىي تېرىقچىلىق قىلىش مەقسىتى بىلەن 10 ئامېرىكا دوللىرى تاپشۇرسا جامائەت يېرىدىن ئومۇمىي كۆلىمى 160 ئاكردىن ئېشىپ كەتمەيدىغان يەرگە ئىگە بولالايدۇ، بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ياكى تېرىقچىلىق قىلغىنىغا بەش يىل تولغانلار شۇ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ئۇلارغا گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. يەنە خۇسۇسىيلارنىڭ مۇئەييەن مىقداردا جامائەت يەرلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنغان. بۇ قانۇن ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىنىڭ ئېچىلىشى ۋە ئاھالىلەرنىڭ غەربكە قاراپ كۆچۈشىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە جەنۇب بىلەن شىمال ئۇرۇشى داۋامىدا قوشما شتاتلار ھۆكۈمىتىنى ئىشچى-دېھقانلار ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئىگە قىلغان. بىراق خۇسۇسىيلارنىڭ ئەرزان باھا بىلەن يەر سېتىۋېلىشىغا يول قويغانلىقتىن، بۇنىڭدىن ھايانكەشلەرمۇ پايدىلىنىپ كەتكەن. 

يەر كوممۇناسى

  • يەر كوممۇناسى[يەشمىسى:]يەنى «يېزا كوممۇنىسى».

يەرلەرنى قايتىدىن بۆلۈش پارتىيىسى

  • يەرلەرنى قايتىدىن بۆلۈش پارتىيىسى[يەشمىسى:]روسىيىدىكى نارودنىكلار تەشكىلاتى. 1879-يىلى كۈزدە «يەر ۋە ئەركىنلىك جەمئىيىتى» يىمىرىلگەندىن كېيىن قۇرۇلغان. ئورگان گېزىتى «يەرلەرنى قايتىدىن بۆلۈش» بولغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. پېتېربۇرگ موسكۋا ۋە كيېۋ قاتارلىق جايلاردا گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلغان. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ژۇرنال نەشىر قىلغان. ئەسلىدىكى «يەر ۋە ئەركىنلىك جەمئىيىتى» نىڭ پروگراممىسىدا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇق سىياسەتكە قارشى چىققان ھەمدە سىياسىي كۈرەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىنكار قىلغان. 1881-يىلى 3-ئايدا يىمىرىلگەن. ئۇنىڭدىكى بىر قىسىم كىشىلەر «خەلق ئىرادىسى پارتىيىسى» گە قاتناشقان، يەنە بەزى مەشھۇر كىشىلەر (پېلېخانوۋ، ئاكىسېلرود ۋە زاسۇلىچ قاتارلىقلار) نارودنىكلاردىن ئايرىلىپ «ئەمگەك ئازادلىقى جەمئىيىتى» نى قۇرغان. 

يەرلەرنى قورشىۋېلىشقا قارشى تۇرۇش نىزامى

  • يەرلەرنى قورشىۋېلىشقا قارشى تۇرۇش نىزامى[يەشمىسى:] ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان يەرلەرنى چىتلىۋېلىشنى چەكلەيدىغان پەرمان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، يەرلەرنى چىتلىۋېلىش ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكتىن، كۆپلىگەن دېھقانلار ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، ھەيدەپ چىقىرىلىپ سەرگەردان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئەنسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە باج تاپشۇرغۇچىلار ۋە ئەسكەرلىككە ئېلىنغۇچىلار (ئەسكەرلەر ۋە ماتروسلار دېھقانلاردىن ئېلىناتتى) ئازىيىپ كەتكەن. شۇڭلاشقا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 1489-، 1515-، 1533-، 1563-، 1597-ۋە 1609-يىللىرى مۇناسىۋەتلىك نىزاملارنى ئېلان قىلىپ، يەرلەرنى چىتلىۋېلىشقا چەك قويۇپ، 20 ئاكر يېرى بار دېھقانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يايلاقلارنى دېھقانلارغا قايتۇرۇپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چارۋىدارلارنىڭ ئىلكىدىكى قوينىڭ 2000 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى بەلگىلىگەن. نىزامنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا نازارەت قىلىش ئۈچۈن 1517-، 1548-ۋە 1607-يىللىرى يەنە مەخسۇس نازارەت قىلىش ئورگانلىرىنى تەسىس قىلغان، لېكىن ئۈنۈمى ياخشى بولمىغان. 

يەرلىك پۇقرا

  • يەرلىك پۇقرا[يەشمىسى:]ياپونىيىنىڭ ئېدو مەزگىلىدە فېئودال يەر ئىگىلىرى تەرىپىدىن تىزگىنلەنگەن ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلار. يەرلەرنى تەكشۈرۈش مەزگىلىدە تىزىمغا ئېلىنغان، يىللىق سېلىق تاپشۇرۇشنى زىممىسىگە ئالغان دېھقانلار، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئۆي ئايرىپ چىققاندىن كېيىن تىزىمغا ئېلىنمىغان، ئەمما ھاشارنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان دېھقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تېرىلغۇ يېرى، ئولتۇراق ئۆيى بولغان، سۇدىن بەھرىمەن بولالايدىغانلار يېزىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى ھېسابلانغان. كېيىن قارام دېھقانلاردىن تەرەققىي قىلغان ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان بەزى دېھقانلار يېڭى ئۆز پۇقرا دەپ ئاتالغان. شوگناتنىڭ«بەش كىشىلىك گۇرۇپپا» (يەنى باۋ-جيا تۈزۈمى)، تېرىلغۇ يەرلەرنى سېتىشنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلىرى دېھقانلارنى يەرگە مەھكەم باغلاپ قويغان. ئېدونىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن كېيىن، تاۋار ئىگىلىكى تەرەققىي قىلىپ، بەزىلەر يەر ئىگىلىرى ۋە باي دېھقانلارنىڭ ئورتاقچىلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن. بۇلار «شۈيتۈن پۇقرا» دەپ ئاتالغان، بەزىلەر قوشۇمچە سودا-سېتىق ياكى جازانىخورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ، كېيىنكى «پارازىت پومېشچىكلار» نىڭ ئەجدادلىرى بولۇپ قالغان. ئېدونىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە «يەرلىك پۇقرالاردا كەسكىن بۆلۈنۈش بارلىققا كېلىپ، پومېشچىك ۋە ئىجارىكەشلەر پەيدا بولغان، بولۇپمۇ ئېكسپىلاتاتسىيىنىڭ ئېغىرلىقى «پۇقرانىڭ بىردەك قوزغىلىشى» (دېھقانلار قوزغىلىڭى) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، فېئودال سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى تەۋرىتىۋەتكەن. 

يەرلىك دورا ئۆسۈملۈكلىرى توپلىمى

  • يەرلىك دورا ئۆسۈملۈكلىرى توپلىمى[يەشمىسى:] چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تىببىي كىتاب. 1443-يىلى (شىزۇڭ 25-يىلى) يۈشياۋتۇڭ، لوجۇڭلى، پياۋ يوندې قاتارلىقلار تاڭ، سۇڭ، يۈەن ۋە مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تىببىي كىتابلارنى كورىيە ۋە لى سۇلالىسىدىكى تىببىي كىتابلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىققان. بۇ كىتاب جەمئىي 85 توم بولۇپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى «يەرلىك دورا ئۆسۈملۈكلىرى» دېگەن 10 تومىدا يەرلىك دورا ئۆسۈملۈكلىرى (چاۋشيەندە چىقىدىغان دورا ئۆسۈملۈكلىرى) بىلەن ھەرخىل كېسەللەرنى داۋالاش بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب چاۋشيەننىڭ ئىنتايىن يۇقىرى باھاغا ئىگە بولغان تىببىي كىتابى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يەرنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ تېرىش تۈزۈمى

  • يەرنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ تېرىش تۈزۈمى[يەشمىسى:]ئۈچ پارچە بويىچە نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش تۈزۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تېرىلغۇ يەرنى پارچىغا ئايرىپ نۆۋەت بىلەن تېرىش تۈزۈمىنىڭ بىر خىلى. ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادا كەڭ تارقالغان. يەر ئادەتتە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: ئەتىيازلىق تېرىلغۇ يەر. بۇنىڭغا سۇلۇ، ئارپا قاتارلىقلار تېرىلىپ، كۈزدە ھوسۇل ئېلىنىدۇ؛ كۈزلۈك تېرىلغۇ يەر. بۇنىڭغا يالىڭاچ ئارپا، بۇغداي قاتارلىقلار تېرىلىپ، ئىككىنچى يىلى يازدا ھوسۇل ئېلىنىدۇ؛ ئاختاما يەر. جامائەت چارۋىچىلىق مەيدانى قىلىنىدۇ؛ يەرنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاسراش ئۈچۈن، تەرتىپ بويىچە نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىلاتتى. تېرىقچىلىق قىلىش مەزگىلىدە ياكى چىتلاق، رېشاتكا بىلەن تورىلاتتى ياكى قىر، تاپ بىلەن ئارىلىق قالدۇرۇلاتتى. تېرىلغۇ يەردىن ھوسۇل ئېلىنغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تېرىلغۇچە جامائەت چارۋىچىلىق مەيدانى قىلىناتتى.

يەرنى ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ تېرىش تۈزۈمى

  • يەرنى ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ تېرىش تۈزۈمى[يەشمىسى:] تېرىلغۇ يەرنى رايونغا ئايرىپ ئالماشتۇرۇپ تېرىش تۈزۈمىنىڭ بىرخىلى. ياۋروپادا قەدىمكى زامان ۋە ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كەڭ يولغا قويۇلغان. يەرنىڭ كۈچىنى ساقلاش ئۈچۈن ئادەتتە تېرىلغۇ يەر ئىككى قىسىمغا ئايرىلىپ، بىر قىسمى تېرىلىپ، يەنە بىر قىسمى (جامائەت چارۋىچىلىق مەيدانى قىلىنىپ) ئاق قالدۇرۇلغان، ھەر يىلى بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ تېرىلغان. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن، مىلادى Ⅷ ئەسىردىن باشلاپ بارا-بارا بۇنىڭ ئورنىغا ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ تېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. بەزى رايونلاردا كىلىمات، تۇپراق جەھەتتىكى پەرق تۈپەيلىدىن ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ تېرىش تۈزۈمى بىلەن ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ تېرىش تۈزۈمى تەڭ ساقلىنىپ كەلگەن. 

يەر ۋە ئەركىنلىك جەمئىيىتى

  • يەر ۋە ئەركىنلىك جەمئىيىتى[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى روسىيە نارودنىكلار تەشكىلاتى. 1876-يىلى كۈزدە پېتېربۇرگدا قۇرۇلغان. ئەسلى «شىمالىي ئىنقىلابىي نارودنىكلار جەمئىيىتى» دەپ ئاتىلاتتى. تەخمىنەن 50 ئەزاسى بار ئىدى. ئۇنىڭ رەھبەرلىرى پلېخانوۋ، مىخايلوۋ (А.Д.МихайЛов، 4881 - 5581) ۋە م. ناتانسون (М.А.Натансон، 9191 - 0581) قاتارلىقلار ئىدى. ئۇلار يەرنى دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىپ، كەنت كوپىراتىپلىرى پۈتۈنلەي ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. دېھقانلارنى مۇستەبىتلىك تۈزۈمگە قارشى كۈرەش قىلىشقا قوزغىغان. ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ يېزىلىرىدا بازا قۇرۇپ، تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. بىراق كەنت كوپىراتىپلىرىنى خاتا ھالدا سوتسىيالىزمنىڭ تۈۋرۈكى دەپ قارىغان ھەمدە تېررورلۇق ھەرىكەتكە بارغانسېرى بېرىلىپ كەتكەن. 1879-يىلى سىياسىي كۈرەش، شەخسنىڭ تېررورلۇق رولى ۋە «خەلق ئارىسىغا بېرىش» مەسىلىسى ئۈستىدە قاتتىق ئىختىلاپ يۈز بەرگەنلىكتىن، خەلق ئىرادىسى پارتىيىسى بىلەن يەرلەرنى قايتىدىن بۆلۈش پارتىيىسىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 

يەككە باج نەزەرىيىسى

  • يەككە باج نەزەرىيىسى[يەشمىسى:]ئامېرىكىلىق چاكىنا ئىقتىسادشۇناس ھېنرى گېئورگى 1879-يىلى نەشىر قىلدۇرغان «ئالغا بېسىش ۋە نامراتلىق» دېگەن كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى يوقىتىشتىكى بىر خىل نەزەرىيە. ئۇنىڭدا ئالغا بېسىش بىلەن نامراتلىقنى تۇتاشتۇرغان سىر — يەرنىڭ خۇسۇسىيلار تەرىپىدىن مونوپول قىلىۋېلىنىشىدا دەپ قارالغان. يەرنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىشنى يولغا قويۇپ، خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرلەردىن دارامەتكە قاراپ ئېشىپ بارىدىغان باج ئېلىپ، باشقا باجلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھۆكۈمەت پەقەت بىرلا خىل يەر بېجى ئالسا كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ بارلىق زىددىيەتلىرىنى يوقاتقىلى بولىدۇ، دەپ قارالغان. بۇ نەزەرىيە ئەينى چاغدا نيۇ-يورك قاتارلىق شەھەرلەردىكى بىر قىسىم ئىشچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، تاكى ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغا كەلگەندىمۇ بەزىلەر يەنە ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەشەببۇسنى ھىمايە قىلغۇچىلار بىرلا خىل باج تەرەپدارلىرى، دەپ ئاتالغان. ماركس «بۇ سانائەت كاپىتالىستلىرىنىڭ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشىدىكى بىر تۈرلۈك ئاشكارا ئىپادىسىدىن ئىبارەت، خالاس» دەپ ھېسابلىغان.

يەككىچىلىك

  • يەككىچىلىك[يەشمىسى:]ئامېرىكا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە يولغا قويغان بىر تۈرلۈك دىپلوماتىيە سىياسىتى. يەنى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە ياۋروپانىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي توقۇنۇشىغا تارتىلىپ كىرىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش، ئىتتىپاق تۈزمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىش سىياسىتى. 1796-يىلى ئامېرىكىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى ۋاشىنگتون خىزمىتىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى پارلامېنتقا يازغان «خوشلىشىش مەكتۇپى» دا ئامېرىكىنىڭ جۇغراپىيىۋىلىك ئورنى ياۋروپادىن ئۈزۈك ھالدا تۇرغانلىقتىن چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن قورقمايدۇ، ياۋروپا مەنپەئىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى ئاز دېگەننى سەۋەب قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تەقدىرىنى «ياۋروپانىڭ ھەرقانداق بىر بۆلىكىنىڭ تەقدىرى بىلەن چېتىپ قويۇشقا بولمايدۇ» دېگەن پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1801-يىلى ئۈچىنچى قېتىملىق زۇڭتۇڭ جېففېرسون خىزمەت تاپشۇرۇۋېلىش نۇتقىدا: «ياۋروپا سىستېمىسى بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئالاقە باغلىماسلىق»، «ھەرقانداق بىر دۆلەت بىلەن ئىتتىپاق تۈزمەسلىك» نى جاكارلىغان. ⅩⅩ ئەسىردىن ئىلگىرى يەككىچىلىك ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. 

يەھۇدىي پادىشاھلىقى

  • يەھۇدىي پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]پەلەستىننىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمكى دۆلەت. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كۆچمەن چارۋىچىلار قەبىلىسى — يېۋرېيلار پەلەستىنگە كىرىپ، يەرلىك ئاھالە-كەنئانلار بىلەن ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلغان. يېۋرېيلارنىڭ جەنۇبتىكى يەھۇدىي رايونىدا ئىككى قەبىلىسى (شىمالدىكى ئىسرائىلىيە رايونىدا ئون قەبىلىسى بولغان) بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ - Ⅺ ئەسىرلەر ئارىلىقىدا يەنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى سائۇل بىلەن يەھۇدىيلار پادىشاھى داۋىد ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھەرقايسى قەبىلىلەرگە باشچىلىق قىلىپ، قارشى تۇرۇپ، ئۇلارغا زەربە بەرگەن. داۋىد بىلەن سولومون شىمال بىلەن جەنۇبنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسرائىلىيە يەھۇدىي پادىشاھلىقىنى قۇرغان ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئېرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 935 يىل ئىلگىرى پادىشاھلىق ئىككىگە بۆلۈنۈپ، شىمالىي قىسمى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقى بولۇپ، ئېروبوئام (Jeroboam) پادىشاھ بولغان. جەنۇبىي قىسمى يەھۇدىي پادىشاھلىقى بولۇپ، رېئوبوئام (Rehoboam) يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى بولغان. ئېرۇسالىمنى داۋاملىق پايتەخت قىلغان. مىلادىدىن 722 يىل ئىلگىرى ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى يوقاتقان، يەھۇدىي پادىشاھلىقى زور مىقداردا پۇل تۆلەپ ئۆزىنى ساقلاپ قالغان. مىلادىدىن 586 يىل ئىلگىرى يېڭى بابىلون پادىشاھى نېبۇچادنېززار Ⅱ ئېرۇسالىمنى ئېلىپ زور تۈركۈمدىكى يەھۇدىي پۇقرالىرىنى بابىلونغا كۆچۈرۈپ كەلگەن، بۇ تارىختا «بابىلون تۇتقۇنلىرى» دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن 538 يىل ئىلگىرى پېرسىيە پادىشاھى كۇرۇش بابىلوننى بېسىۋېلىپ، يەھۇدىي «تۇتقۇن» لىرىنى پەلەستىنگە قايتىپ دۆلەت قۇرۇشقا (پېرسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى) قويۇپ بەرگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىردىن كېيىن، كەينى-كەينىدىن ماكېدونىيە، پتولېمېي، سېلېۋىكىيە پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالغان. مىلادىدىن 63 يىل ئىلگىرى رىم ئىمپېرىيىسى زېمىنىغا قوشۇۋېلىنغان. مىلادى 07-66-يىللىرى ۋە 531-131-يىللىرى، يەھۇدىي خەلقى رىمغا قارشى قايتا-قايتا زور كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ كەلگەن («يەھۇدىيلار ئۇرۇشى» ماددىسىغا قاراڭ). بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ ھەممىسى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرۇۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدىيلار ياقا يۇرتلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان، يەھۇدىيلار پادىشاھلىقىمۇ قايتا مەۋجۇت بولمىغان. 

يەھۇدىي دىنى

  • يەھۇدىي دىنى[يەشمىسى:]يەھۇدىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن بىر خۇدالىق دىن. مىلادىدىن 1000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ باشلىرىدا، پەلەستىندىكى «پەيغەمبەرلەر ھەرىكىتى» داۋامىدا بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىردىكى «بابىلون تۇتقۇنلىرى» مەزگىلىدە ئاساسەن شەكىللەنگەن. مىلادىدىن 538 يىل ئىلگىرى يەھۇدىي «تۇتقۇنلىرى» يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئىلاھ ھاكىمىيىتى تۈزۈمىنى بەرپا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىي دىنى ئاخىرى يەھۇدىيلارنىڭ بىردىنبىر دىنىغا ئايلانغان. يەھۋانى يەھۇدىيلارنىڭ «يېگانە ھەقىقىي خۇدا» سى دەپ ئېتىقاد قىلغان. يەھۇدىيلارنى يەھۋانىڭ «ئالاھىدە تاللىغان بەندىلىرى» دەپ ئاتىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بىر قانچە يۈز يىل داۋامىدا يەھۋا «مەسېھ» كېلىپ جەبرى-جاپا تارتقان يەھۇدىيلارنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ، ۋەھاكازا دېگەننى تەرغىپ قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەھۇدىي دىنىنىڭ دىنىي ئەمرىمەرۇپلىرى بىلەن دىنىي قائىدىلىرىنى يەنى «مۇسانىڭ ئون پەرھىزى» — ئاساسلىقى «شۈكۈر-قانائەت قىلىش»، ئاتا-ئانىغا ھۈرمەت قىلىش، ئوغرىلىق، شەھۋانىيلىق ۋە قاراملىق قىلماسلىق، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىگە ھېرىس قىلماسلىقنى مۇسا (بەندىلىرىنى باشلاپ مىسىرغا سەپەرگە چىققان مەزگىلدە) بەلگىلەپ بەرگەنمىش. ئۇ يەنە بۇتقا چوقۇنۇشنى، توڭگۇز گۆشىگە ئوخشاش «مەكرو» يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى ۋە خەتنە قىلمايدىغان يات مىللەتلەر بىلەن نىكاھلىنىشنى تەھقىق قىلغانمىش. بۇ دىننىڭ كالامى «تەۋرات» بولۇپ، ئۆز ئىچىگە «قانۇننامە» («مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بەش دەستۇرى»)، تەلمود («پەيغەمبەرنامە») ۋە «پەيغەمبەر خاتىرىسى» دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈرنى ئالىدۇ. كېيىن خرىستىئان دىنى بۇ دىننىڭ بىر قىسىم دىنىي ئەقىدىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان. ئۇنىڭ «تەۋراتى» نى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ كالامىنى «ئىنجىل» دەپ ئاتىغان. يەھۇدىي دىنى يەھۇدىيلارنىڭ ھاياتى ۋە تارىخىي تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ باشلىرى، ئاز سانلىق يەھۇدىيلار جۇڭگونىڭ كەيفېڭ شەھىرىگە كېلىپ «چېركاۋ» قۇرغان. بۇنى «ئىسرائىل دىنى» (يېۋرېيچە yisrael نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئىسرائىلىيىنىڭ غەيرىي تەرجىمە قىلىنىشى) دەپ ئاتىۋالغان. 

يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرغۇچىلار

  • يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرغۇچىلار[يەشمىسى:]ئەكسىيەتچى ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش، ئۇلارنى چەتكە قېقىش ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئىرقچىلىق سىياسىتى. مەسىلەن، گىتلېر ھۆكۈمرانلىقىدىكى گېرمانىيە قانۇن ئېلان قىلىپ، يەھۇدىيلارنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىنى تارتىۋالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە فاشىستلىرى تەخمىنەن 6 مىليون يەھۇدىينى قىرىپ تاشلىغان.

يەھۇدىيلار ئۇرۇشى

  • يەھۇدىيلار ئۇرۇشى[يەشمىسى:] يەھۇدىيلار قوزغىلىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى يەھۇدىيلارنىڭ رىم ئىستېلاچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى. مىلادىدىن 63 يىل ئىلگىرى، رىم باش قوماندانى پومپېي پەلەستىن ۋە ئۇنىڭ پايتەختى ئېرۇسالىمنى بېسىۋالغان. رىملىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە زۇلۇمى (دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى زۇلۇمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) داۋاملىق يەھۇدىيلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. بۇ، ئاخىرى زور كۆلەملىك قوزغىلاڭ ياكى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئادەتتە ئىككى قېتىم بولغان دەپ قارىلىدۇ. بىرىنچى قېتىملىقى، مىلادى 66-يىلى يۈز بەرگەن. قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۆپى تۆۋەن تەبىقە خەلقى بولۇپ، ئۇلار «زىروت» (تەلۋىلەر پىرقىسى) ۋە «سىكارى» (خەنجەرۋازلار پىرقىسى) بولۇپ ئۇيۇشقان. كېيىنكىسى خەلق ئاممىسىغا باشچىلىق قىلىپ، رىمنىڭ ئېرۇسالىمدا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنى يوقاتقان ھەمدە ئىبادەتخانىدا ساقلانغان قەرز ھېسابات دەپتەرلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن، مۈلۈكدارلارنىڭ دەككىسىنى بەرگەن. 67-يىلى ئىمپېراتور نېرون ۋېسپاسىئاننى بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ئەۋەتىپ، گالىلېينى بېسىۋالغان. نېرۇن ئۆلگەندىن كېيىن، ۋېسپاسىئان رىمغا قايتىپ ئىمپېراتورلۇق تەختىنى تالاشقان. ئوغلى تىتۇسنى ئەسكەرلىرىگە داۋاملىق قوماندانلىق قىلىشقا قالدۇرغان. تىتۇس ئېرۇسالىم شەھىرىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، 70-يىلى شەھەرنى ئالغان، شەھەرنى ۋەيران قىلىپ ئاياغ-ئاستى قىلغان. ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى بۇلاپ-تالىغان، نۇرغۇنلىغان ئاھالىلەرنى قۇل قىلىپ سېتىۋەتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن تىتۇس رىمغا غەلىبە بىلەن قايتىپ كەتكەن. ئىككىنچى قېتىملىقىدا، رىملىقلار ئېرۇسالىمدا زوراۋانلىق بىلەن يۇپىتېر ئىبادەتخانىسىنى قۇرغان. 132-يىلى، قوزغىلاڭچىلار سىمون (لەقىمى «يۇلتۇزلار ئوغلانى») نىڭ رەھبەرلىكىدە، رىم مۇستەملىكىچىلىرىنى قاتتىق جازالىغان، ئۇنىڭ داغدۇغىسى ھەيۋەتلىك بولغان. ئىمپېراتور ھادرىئان نۇرغۇن ئەسكەر ئەۋەتىپ باستۇرغان. 135-يىلى ئېرۇسالىم يەنە بىر قېتىم ئىشغال قىلىنىپ، ۋەيران بولۇپ خارابىلىققا ئايلانغان. تۈركۈم-تۈركۈم ئاھالىلەر قىرغىن قىلىنغان ياكى قۇل قىلىنغان، قالغانلىرى يۇرتىدىن قوغلىنىپ ياقا يۇرتلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. 

يەھۋا

  • يەھۋا[يەشمىسى:]Jehovah ياكى Yehovah) يەھۇدىي دىنى ئىلاھىنىڭ نامى. «تەۋرات» نىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا يەھۋا (Jahweh ياكى Yahveh، يېۋرېي يېزىقىدا JHWH دەپ يېزىلغان) دەپ ئېلىنغان بولۇپ، «ئەبەدىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرغۇچى»، «ياراتقۇچى»، «نوپۇز ئىگىسى» دېگەن مەنىدە. ئۇ يېۋرېيلارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى ئورتاق ئېتىقاد قىلىدىغان خۇدا بولۇپ، ئوت، شامال ۋە قارا يامغۇر قاتارلىق تەبىئەت كۈچلىرىنىڭ مۇجەسسەملەشتۈرۈلۈشى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا مۇسا يېۋرېيلارنى باشلاپ مىسىردىن چىققان ۋاقىتتا، يەھۋانى بىردىنبىر ھامىيلىق قىلغۇچى خۇدا دەپ قوبۇل قىلغانمىش. يەھۇدىي ئىسرائىلىيە دۆلىتى شەكىللەنگەندىن كېيىن، پادىشاھ داۋىد ۋە سولومون ئۇنى ئەڭ ئالىي ھامىيلىق قىلغۇچى خۇدا بىلىپ ئېتىقاد قىلغان ھەمدە قۇددۇس (ئېرۇسالىم) دىكى زىئون (Zion) تېغىدا ھەيۋەتلىك ئىبادەتخانا سالدۇرغان؛ يەھۋاغا ئېتىقاد قىلىدىغان يەھۇدىي دىنى تەدرىجىي شەكىللەنگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىكى «بابىلون تۇتقۇنلىرى» دەۋرىدە، بولۇپمۇ يەھۇدىيلار ئېرۇسالىمغا يېڭىباشتىن قايتىپ كېلىپ، ئىلاھىي ھاكىمىيەت ئورناتقاندىن كېيىن، بىر خۇدالىق يەھۇدىي دىنى ئاخىر شەكىللەنگەن. يەھۋا يەھۇدىيلارنىڭ «بىردىنبىر خۇداسى» غا، ئالەمدىكى بىردىنبىر خوجايىنغا شۇنداقلا ئۇلارنى ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان «قۇتقۇزغۇچى» غا ئايلانغان. پەقەت يەھۇدىيلار يەھۋاغا چىن ئېتىقاد قىلسىلا، ئۇلار ئەبەدىي يەھۋانىڭ «ئالاھىدە تاللىۋالغان بەندىلىرى» بولىدىكەن، خۇدا يەھۋاغا چوقۇنۇش يەھۇدىيلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە تارىخىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. 

يەھياخان Agha

  • يەھياخان Agha[يەشمىسى:]Mohammad Yahya Khan، 0891 - 7191) پاكىستان زۇڭتۇڭى (2791 - 9691). پەنجاب ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ھىندىستان ھەربىي ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1939-يىلىدىن باشلاپ ئارمىيىدە ئوفىتسېر بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەرەب ئەللىرىگە بارغان، كېيىن ئىتالىيىدە گېرمانىيە ئارمىيىسىگە تۇتقۇن بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا قېچىپ چىققان، ئۇرۇشتىن كېيىن كۋېتتا شتاب ئوفىتسېرلىرى ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈپ ئىدارە قىلىنغاندىن كېيىن پاكىستان شتاب ئوفىتسېرلىرى ئىنستىتۇتىنى قۇرغان. 1957-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىق شتابى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە فېدېراتسىيە كاپىتال كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1960-يىلى كاپىتال ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 4691-2691 يىللىرى شەرقىي پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ قوماندانى بولغان. 1966-يىلى 9-ئايدىن 1971-يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانى بولغان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە شەرقىي پاكىستان خەلق ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى ھەربىي جەھەتتە باستۇرۇپ، شەرقىي پاكىستاننىڭ پاكىستاندىن بۆلۈنۈپ چىقىپ بىنگال دۆلىتى قۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1972-يىلى نەزەربەند قىلىنىپ، 1974-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 

يوئانⅡ

  • يوئانⅡ[يەشمىسى:]1) يوئانⅡ (كومىنېن) (Joannes Ⅱ Comnenus، 3411-8801) ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى (3411 - 8111). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، 1135-يىلى سالجۇق تۈركلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، كىلىكىيە (Cilicia، كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدا) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىچىك ئاسىيادىكى بىر قىسىم زېمىنىنى قايتۇرۇۋالغان. 1137-يىلى يەنە غەربىي ياۋروپا ئەھلىسەلىپ قوشۇنى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا بەرپا قىلغان ئانتيوك (Antioch) كىنەزلىكىنى بويسۇندۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سېرىبلار بىلەن ۋېنگىرلارنى مەغلۇپ قىلغان. ئۇ ۋېنېستسىيە بىلەن بولغان كۈرىشىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، 1126-يىلى ۋېنېتسىيىنىڭ ۋىزانتىيە دائىرىسى ئىچىدە سودا ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. (2) جىئان Ⅱ (ياخشى كىشى) (Jean Ⅱ le Bon، 4631 - 9131) فرانسىيىدىكى ۋرويە خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (4631 - 0531). ئۇ تەختكە چىقىشتىن ئاۋۋال فرانسىيە 100 يىللىق ئۇرۇشتا ئۇدا مەغلۇپ بولغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن، 1356-يىلى فرانسىيە پوئېتىر جېڭىدە يەنە مەغلۇپ بولۇپ، ئۆزىمۇ ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان. 1360-يىلى ئىمزالانغان «بىرېتىگىنى سۈلھ شەرتنامىسى» غا ئاساسەن نۇرغۇنلىغان پۇل تۆلەش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلىپ، فرانسىيىگە قايتىپ كەلگەن. پۇلنى ۋاقتىدا تاپشۇرالمىغانلىقتىن، 1364-يىلى يەنە ئەنگلىيىگە ئېلىپ كېتىلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي لوندون تۈرمىسىدە ئۆلگەن. 

يوئانⅢ

  • يوئانⅢ[يەشمىسى:]1) يوئان Ⅲ (ۋاتاتزېس) ( Vatatzes Joannes Ⅲ، - 3911 4521) نېسىيە ئىمپېراتورى (4521-2221). تەختتىكى مەزگىلدە ئەركىن دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان قوشۇنغا تايىنىپ، لاتىن ئىمپېرىيىسىگە ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلغان. 1225-يىلى، لاتىنلارنىڭ قولىدىن كىچىك ئاسىيانىڭ (كونستانتىنوپول بىلەن دېڭىز ئارقىلىق بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرغان نىكومىدىيە [Nicomedia] رايونىدىن باشقا) نىڭ كۆپ قىسمى بىلەن دېڭىز بويىدىكى سامۇس ۋە رود ئاراللىرىنى قايتۇرۇۋالغان، ئۇنىڭدىن كېيىن قارا دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، 1235-ۋە 1246-يىللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا فېراكىيە ۋە تىسالۇنىكا (Thessalonica) نى ئىگىلىۋالغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېپروس پادىشاھلىقىنىمۇ بويسۇندۇرغان. ئۇنىڭ سىرتقا قارىتا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى كېيىنكى ۋىزانتىيىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان.(2) يوھان Ⅲ (Johan Ⅲ، 2951 - 7351). شۋېتسىيە كورۇلى (2951 - 8651). گوستاۋاۋازىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى، ئېرىك ⅩⅣ نىڭ ئاتابىر، ئانا باشقا ئىنىسى. ئېرىك ⅩⅣ نىڭ قارشىلىقىغا پەرۋا قىلماي، شۋېتسىيىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان پولشا كورۇلىنىڭ سىڭلىسى كاتارېنا ياگېللونىكا (Katarena Jagellonika) بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ، ئاخىرى ئىككىسىنىڭ توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1563-يىلى، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ (ئىجرا قىلىنمىغان)، بۇسخۇلىم قەلئەسىگە قاماپ قويۇلغان، كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. شۋېتسىيە بىلەن دانىيىنىڭ ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، يەنە بىر ئانا باشقا ئىنىسى چارلېس بىلەن بىرلىشىپ ئېرىك ⅩⅣ نى تەختتىن قالدۇرۇپ، ئۆزى پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1570-يىلى روسىيىگە قارشى تۇرۇش غەرىزىدە دانىيە بىلەن «سىتتېن سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. 1572-يىلى روسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ئىستۇنىيىنى بېسىۋالغان ھەمدە ئۇنى ئەينى زاماندا پولشاغا قاراشلىق لىۋونىيىگە قوشۇۋېتىپ، شۇ ئارقىلىق ئوغلى سىگىزمۇند (كېيىنرەك سىگىزمۇند Ⅲ دەپ ئاتالغان) نىڭ پولشا پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئىچكى سىياسەت جەھەتتە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئاقسۆڭەكلەرگە بەزى ئىمتىيازلارنى بېرىپ، ئاقسۆڭەكلەر بىلەن مونارخىزمنىڭ قارىمۇقارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ يەنە كاتولىك دىنىغا يان بېسىپ لۇتېرچى مىسسىئونېرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 

يوئان Ⅵ (كانتاكۇزېن)

  • يوئان Ⅵ (كانتاكۇزېن)[يەشمىسى:]Joannes Ⅵ Cantacuzene، تەخمىنەن - 3831 2921) ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى (5531 - 7431) ۋە تارىخشۇناس. 1341يىلى ئىمپېراتور يوئان Ⅴ (Joannes Ⅴ Paelogus، 1931-2331) يېشىغا يەتمەي تەختكە چىققان، ئۇ بىر قىسىم ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ فراكىيىدە ئۆزىنى ئىمپېراتور قىلىپ تىكلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىككى چوڭ فېئودال ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا ئىچكى ئۇرۇش پارتلاپ، ھەر ئىككى تەرەپ تاشقى دۈشمىنى تۈركلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، ۋىزانتىيىنى چوڭقۇر زىيانغا ئۇچراتقان. 1347-يىلى ئۇ غەلىبە قىلىپ كونستانتىنوپولغا كىرىپ يوئان Ⅴ بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈم سۈرگەن. 1349-يىلى زېلوت قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1355-يىلى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولۇپ، چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىپ مۇناخ بولغان. ئۇنىڭ «تارىخ» ناملىق ئەسىرى بار.

يوتېكورانىشو توپىلىڭى

  • يوتېكورانىشو توپىلىڭى[يەشمىسى:]ياپونىيىدە ⅩⅢ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى خان جەمەتى بىلەن كامادو شوگونلۇقى ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان يېغىلىق. كامادو شوگۇنلۇقى قۇرۇلغاندىن كېيىن قورۇقلار شوگنات سىنزولىرى تەرىپىدىن ئىگىدارچىلىق قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن خان جەمەتى ئىقتىسادىنىڭ كېلىش مەنبەسى بارغانسېرى ئازلاپ كەتكەن. 1198-يىلى (كېيىنكونىڭ 9-يىلى) ئۇشى دومىمى شوگناتتىن ئۆزىنىڭ ئامراق بانۇسىنىڭ قورۇقىدىكى ئەمەلدارنى قايتۇرۇپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغاندا، رەت قىلىنغان. 1221-يىلى (يۇتېئوكونىڭ 3-يىلى) رىبىيا ئاسا ئۆلگەندىن كېيىنكى شوگناتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، شوگنات سىستېمىسىغا مەنسۇپ بولمىغان بارلىق سامۇرايلار ۋە راھىب ئەسكەرلەرنى يىغىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان كىتايىشى ئۈستىدىن جازا يۈرۈشى قىلىشقا چاقىرىق قىلغان (4221 - 3611). كىتاموكو (5221 - 7511) ۋە يوسممىت سېنىزولار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، كىيوتوغا ھۇجۇم قىلغان. شوگنات ئۇشى دومىنى ئۆكىجىما ئارىلىغا سۈرگۈن قىلغان، دوروموجۇ (0121 - 8911-يىللىرى تەختكە ئولتۇرغان) دوسا (ھازىرقى كۈچى ناھىيىسى) غا، شومېدو (1221 - 0121-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) سادوگا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. ئاران تۆت ياشقا كىرگەن تېننوچوتو نەزەربەند قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا رىئوكىكاۋا تېننو قىلىپ تىكلەنگەن. كىيوتودا روكويۇرۇ ئايغاقچىلار يامۇلىنى تەسىس قىلىپ خان جەمەتىنى تەقىپ قىلغان. بەزى مۇناسىۋەتلىك يەرلەر مۇسادىرە قىلىنىپ شوگنات سامۇرايلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلغان، شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى مەھكىمىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ، شوگناتنىڭ تەسىر دائىرىسىكانسى رايونىغا كېڭەيگەن. 

يوردان

  • يوردان[يەشمىسى:]Jordanes ياكى Jordanis) مىلادى Ⅵ ئەسىردىكى گوتلارنىڭ تارىخشۇناسى (ئارىئان دېگەن گەپمۇ بار). ئېيتىشلارغا قارىغاندا راۋېنتا (Ravenna) غا ئېپىسكوپ بولغانىكەن. «گوتلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى» دېگەن ئاساسلىق ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئەسەر كاسسىئودورۇسنىڭ «گوت تارىخى» دېگەن ئەسىرىنىڭ ئىخچاملىنىشى، لېكىن ئۇنىڭغا ئۆزى ئاڭلىغان-كۆرگەن بەزى تارىخىي ۋەقەلەر، رىۋايەت ۋە ئەپسانىلەر قوشۇلغان. گوتلارنىڭ بالتىق دېڭىزىنىڭ بويىدىن جەنۇبقا كۆچكىنىدىن باشلىنىپ، Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شەرقىي گوت پادىشاھلىقىنىڭ ۋېزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرغانلىقى بىلەن ئاخىرلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە «رىم تارىخى» دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇمۇ باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىخچاملاش ئارقىلىق پۈتۈپ چىققان. 

يورىكا قوزغىلىڭى

  • يورىكا قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]1854-يىلقى ئاۋسترالىيە قىتئەسىنىڭ ۋېكتورىيە مۇستەملىكە رايونىدىكى ئالتۇن قازغۇچى ئىشچىلارنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرىشى. 1851-يىلى ۋېكتورىيە مۇستەملىكە رايونىدا ئالتۇن تېپىلغان، مۇستەملىكە دائىرىلىرى ئالتۇن قازغۇچىلار جەزمەن گۇۋاھنامە ئېلىشى، ھەربىر كىشى ھەر ئېيىغا 30 شىللىڭدىن گۇۋاھنامە ھەققى تۆلىشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىغانلار جەرىمانە تۆلەيدۇ ياكى قاماققا ئېلىنىدۇ دەپ بەلگىلىگەن ھەمدە ئادەم ئەۋەتىپ ئالتۇن قازغۇچىلارنى خالىغانچە تەكشۈرۈپ تۇتقان. ئىشچىلار بۇنىڭدىن نارازى بولغان. 1854-يىلى 10-ئايدا، باللارات (Ballarat، مىلبورىننىڭ شەرقىدە) تىكى يورىكا مېھمانخانىسىدا بىر ئالتۇن قازغۇچى ئىشچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئىشچىلار بىلەن ساقچىلارنىڭ توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 11-ئايدا، ئالتۇن قازغۇچى ئىشچىلار باللارات ئىسلاھات ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، ئالتۇن كېنىنى باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىشنى، تۇتقۇن قىلىنغان ئىشچىلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قوراللىق كۈرەش تەشكىللىگەن. مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ھەربىي، ساقچىلارنى ئەۋەتىپ قوزغىلاڭنى باستۇرغان. 

يورك خاندانلىقى

  • يورك خاندانلىقى[يەشمىسى:]ئەنگلىيىدىكى فېئودال خاندانلىق (5841-1641). ئەتىرگۈل ئۇرۇشى (5841-5541) داۋامىدا، يورك (York) نىڭ گېرتسوگى رىچاردنىڭ ئوغلى ئىدۋارد 1461يىلى 3-ئايدا لوندوننى بېسىۋېلىپ، لانكاستېر خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى ھېنرى Ⅵ (Henry Ⅵ، 1741-1241) نى بىكار قىلىپ، پادىشاھلىق تەختىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن قۇرۇلغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئىچكى ئۇرۇش كەسكىنلەشكەن. 1485-يىلى 8-ئايدا، لانكاستېر جەمەتىنىڭ يىراق تۇغقىنى ھېنرىي تىئودۇر ئۆزىنى كورۇل قىلىپ تىكلىگەندىن (ھېبرىي Ⅶ دەپ ئاتىغان) كېيىن يورك خاندانلىقىنىڭ ئورنىنى تىئودۇر خاندانلىقى ئىگىلىگەن. يورك خاندانلىقىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد كورۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە تۇرغان ۋاقتى مۇنداق: ئېدۋارد Ⅳ (3841.4 - 1641 Edward Ⅳ)، ئېدۋارد Ⅴ ( Edward Ⅴ، 3841.6 - 3841.4). رىچارد Ⅲ (Richard Ⅲ، 5841-3841.6).

يوسانو ئاكىكو

  • يوسانو ئاكىكو[يەشمىسى:]Yasano Akiko، 2491 - 8781) ياپونىيىلىك شائىرە. ئەسلى فامىلىسى كازا. ئىسمى ئاكىرا. قىزلار مەكتىپىنىڭ پىششىقلاش كۇرسىنى پۈتتۈرگەن. ياش ۋاقتىدا ئېرى يوسانو تېتىسۇخى (5391 - 3781) بىلەن بىللە «چولپان» ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، «چولپانچىلار» نىڭ يادرولۇق ئەربابى بولۇپ قالغان. داجېڭ يىللىرىدا ئاياللار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ئەر-ئاياللارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر بولۇشىنى، ئاياللارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ «پاخپايغان چاچ»، «كىچىك يەلپۈگۈچ»، «مۇھەببەت تونى»، «ئۇسسۇلچى قىز» دېگەن شېئىرلار توپلاملىرى مول رومانتىك تۈس ئالغان. يەنە «رەڭگارەڭ بۇلۇت»، «نۇرلۇققا يۈزلىنىش» قاتارلىق ھېكايىلىرىنى ئېلان قىلغان. كېيىن 13 توملۇق «يوسانو ئاكىكو ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان. 

يوسېف

  • يوسېف[يەشمىسى:]Jozsef Attila،7391 - 5091)ۋېنگرىيىلىك شائىر. ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدىلا ماركسىزم ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلىپ كوممۇنىست بولغان. ۋېنگرىيە فاشىست ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەھشىيانە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرىشىنى شېئىر ئارقىلىق مەدھىيىلىگەن. 500 كۇپلېتتىن ئارتۇق شېئىر يازغان بولۇپ «ۋارقىرىغىنىم يوق»، «شەھەر ئەتراپىدىكى تۈن»، «ئېيىقنىڭ ئۇسسۇلى» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن. 

يوسې مانكىسدور

  • يوسې مانكىسدور[يەشمىسى:]Jose Mancisidor، 6591 - 5981) مېكسىكىلىق يازغۇچى، سىياسىي ئوبزورچى. ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇپ، كېيىن پولكوۋنىكلىققا ئۆستۈرۈلگەن. 7191 - 0191-يىللاردىكى مېكسىكا بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1919-يىلى خەلقئارا ئىلغار يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىيات تەشكىلاتى — «نۇر ئۇيۇشمىسى» نى تەسىس قىلىشقا قاتناشقان. 9391 - 3391-يىللىرى «يول» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. 1936-يىلى مېكسىكا يازغۇچىلىرىغا ۋەكىل بولۇپ، ئىسپانىيىدە ئېچىلغان خەلقئارا يازغۇچىلارنىڭ فاشىزمغا قارشى يىغىنىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى روشەن بولغان جاھانگىرلىككە قارشى ئىدىيىۋىلىككە ئىگە. ئۇنىڭ «قىرغاق-زېمىن»، «ھاڭ ئالدىدىكى سۈبھى»، «ئىسيان» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

يوشمۇرا توراتارو

  • يوشمۇرا توراتارو[يەشمىسى:]3681 - 7381) ياپونىيە ئېدونىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى تېننونى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى يەكلىگۈچى زات. ئىسمى شىگېساتو بولۇپ، توراتارو دەپمۇ ئاتالغان. توسا ۋاسساللىقى تاكائوكا ۋىلايىتى كىتاگاۋا يېزىسىدىكى شويا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا جايلاردا شويا (ئەمەل نامى —ت) بولغان. كېيىن ماگاساكى ئائوكىتامىنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەنگەن. 1861-يىلى تاكېچىتامايامادىكى تېننونى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى يەكلىگۈچىلەرنىڭ رادىكاللىرىدىن بولۇپ قالغان. 1862-يىلى ۋاسساللىقتىن ئايرىلىپ، كيوتوغا بېرىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان. شۇ يىلدىكى تېراتايا ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ، توسا ۋاسساللىقىنىڭ تۈرمىسىگە قامالغان. ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، يەنە كيوتوغا بېرىپ، پادىشاھنى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى يەكلەش ھەرىكىتىگە قاتناشقان، فۇجىموتو كانېئاتسۇ قاتارلىقلار بىلەن «جان تەڭرى ئىلكىدە گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇپ، تۆرە ناكاياما تادامىتسۇنى ھىمايە قىلىپ، ئۇنى «تېننونى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى يەكلىگۈچى ئاۋانگارت» دەپ ئاتىغان. 9-ئايدا، ياماتونىڭ گوجو دېگەن يېرىدە شوگنات لەشكەرلىرىگە قارشى يۈرۈش قىلغاندا، مەغلۇپ بولۇپ قازا قىلغان. 

يوشىدا شىگېرو

  • يوشىدا شىگېرو[يەشمىسى:]7691-8781) ياپونىيە باش ۋەزىرى (7491-6491، 4591-8491). توكيودا تۇغۇلغان. ئۆز دادىسى توسا (ھازىرقى كوچى ناھىيىسى) دىكى سامۇراي — تاكېئۇچى كونى، كىچىكىدە سودىگەر يوشىدا گېنزو بېقىۋالغان. 1906-يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە خىزمەت قىلغان. تاكى 1928-يىلغىچە جۇڭگونىڭ تيەنجىن، فېڭتيەن (ھازىرقى شېنياڭ)، ئەندوڭ (ھازىرقى دەندوڭ)، جىنەن، چىڭداۋ قاتارلىق جايلىرىدا كونسۇل ياكى باش كونسۇل بولۇپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش سىياسىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن يۈرگۈزگەن. 1927-يىلى فېڭتيەننىڭ باش كونسۇلى سالاھىيىتى بىلەن، تاناكاگىچى ئاچقان شەرق يىغىنىغا قاتنىشىپ، تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن ۋەزىرى مورى كاكۇ (2391 - 2881) قاتارلىقلار بىلەن بىللە، جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلىش پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان. ئىتالىيە ۋە ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1928-يىلى تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن ۋەزىرى بولۇپ، تاناكاگىچىغا ياردەملىشىپ، سەندۇڭ ۋە خېبېيگە ئىككى قېتىم ئەسكەر چىقىرىشنى قارار قىلىپ، جىنەن پاجىئەسىنى پەيدا قىلغان. تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، يوشۇرۇن ھالدا ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1945-يىلى 4-ئايدا ژاندارمىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئۇزاق ئۆتمەي قويۇۋېتىلگەن. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1946-يىلى لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ لېدىرى بولغان. شۇ يىلى 5-ئايدا ئىچكى كابىنېت زۇڭلىسى بولغان، 1947-يىلى 5-ئايدا تەختتىن چۈشكەن، 1948-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن تۆت قېتىم ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەن. 1950-يىلى ئامېرىكا چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەربىي لاۋازىمەت ۋە ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلىگەن. 1951-يىلى ئامېرىكىنىڭ سان-فرانسىسكو دېگەن يېرىگە بېرىپ، سۈلھ شەرتنامە ۋە «ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. 1954-يىلى 12-ئايدا تەختتىن چۈشكەن ھەمدە لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ لېدىرلىقىدىن ئىستېپا بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئوئىسودا تەركىيدۇنيا بولۇپ ياشاپ، كونسېرۋاتىپ كۈچلەرنى پەردە ئارقىسىدىن تىزگىنلەپ تۇرغان. «ئون يىللىق ئەسلىمە»، «داۋالغۇش ئىچىدىكى 100 يىللىق تارىخ» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

يوشىداشۇئىن

  • يوشىداشۇئىن[يەشمىسى:]-9581 0381) ياپونىيە توكۇگاۋا شوگوناتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى زات، مۇتەپپەككۇر، مائارىپشۇناس. ئىسمى كانېكاتا، تەخەللۇسى شۇئىن، ئادەتتە توراجىرو دەپ ئاتىلىدۇ. كىچىكىدە ھەربىي ئىلىم ۋە كۇڭزىچىلىقنى ئۆگەنگەن. 1850-يىلى ناگاساكى ۋە ئېدو قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان. 1854-يىلى چەت ئەلنىڭ سىياسىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ئوغرىلىقچە ئامېرىكا پاراخوتىغا چىقىپ، چەت ئەلگە چىقماقچى بولغاندا، ئاشكارىلىنىپ قېلىپ قولغا ئېلىنىپ خاگى شەھىرىدىكى نوياما تۈرمىسىگە قامالغان. 1857-يىلى تاغىسى تاماكى فومىيۇكىسۇغا ۋارىسلىق قىلىپ، ماتسۇشىتا يېزىسىدا مەكتەپ ئېچىپ شوگوناتنى ئاغدۇرۇپ يېڭىلىققا كۆچۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان تاكاسۇگى شىنساكۇ، كۇساكا گېزۇي، ئىتو خىروبۇمى قاتارلىق بىرمۇنچە زاتلارنى يېتىشتۈرگەن. ئانې چوڭ ئەنزىسى مەزگىلىدە قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن، كېيىن ئون توملۇق «يوشىدا شۇئىن ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

يوشىچى ئۇيۇشمىسى

  • يوشىچى ئۇيۇشمىسى[يەشمىسى:]يەنى «تاكاچى ئۇيۇشمىسى».

يوشىداشۇئىن

  • يوشىداشۇئىن[يەشمىسى:]9581 - 0381) ياپونىيە توكۇگاۋا شوگناتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى زات، مۇتەپەككۇر، پېداگوگ، ئىسمى كانېكاتا، تەخەللۇسى شۇئىن، ئادەتتە توراجىرو دەپ ئاتىلىدۇ. كىچىكىدە ھەربىي ئىلىم ۋە كۇڭزىچىلىقنى ئۆگەنگەن. 1850-يىلى ناگاساكى ۋە ئېدو قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان. 1854-يىلى چەت ئەلنىڭ سىياسىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ئوغرىلىقچە ئامېرىكا پاراخوتىغا چىقىپ، چەت ئەلگە چىقماقچى بولغاندا، ئاشكارىلىنىپ قېلىپ قولغا ئېلىنىپ خاگى شەھىرىدىكى نوياما تۈرمىسىگە قامالغان. 1857-يىلى تاغىسى تاماكى فومىيۇكىسۇغا ۋارىسلىق قىلىپ، ماتسۇشىتا يېزىسىدا مەكتەپ ئېچىپ شوگوناتنى ئاغدۇرۇپ يېڭىلىققا كۆچۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان تاكاسۇگى شىنساكۇ، كۇساكا گېزۇي، ئىتو خىروبۇمى قاتارلىق بىرمۇنچە زاتلارنى يېتىشتۈرگەن. ئانې چوڭ دېلوسى مەزگىلىدە قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن، كېيىن ئون توملۇق «يوشىدا شۇئىن ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

يوشىچى ئۇيۇشمىسى

  • يوشىچى ئۇيۇشمىسى[يەشمىسى:] يەنى «تاكاچى ئۇيۇشمىسى».

يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقى

  • يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] 1929 — 1945-يىللىرىدىكى يۇگوسلاۋىيىنىڭ دۆلەت نامى. 1929-يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى، يۇگوسلاۋىيە كورۇلى ئالېكساندرⅠ(AlexanderⅠ Karageorgevic، 1888 — 1934) پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، 1921-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، ئىستىبداتلىق دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈشنى ھەمدە «سېربىيە-كرودىيە-سلوۋېنىيە پادىشاھلىقى»دېگەن نامنى «يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقى»غا ئۆزگەرتىشنى جاكارلىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پادىشاھلىق ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان، پادىشاھ پېتېرⅡ (PeterⅡ Karageorgevic، 1923 — 1970) چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1945-يىلى 5-ئايدا يۇگوسلاۋىيە ئازاد بولغان. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، يۇگوسلاۋىيە ئاساسىي قانۇن چىقىرىش يىغىنى پادىشاھلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، يۇگوسلاۋىيە فېدېراتىپ خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرغان. 

يولىئوت كيۇرې

  • يولىئوت كيۇرې[يەشمىسى:]Curie -Frederic Joliot ، 1900 — 1958) فرانسىيىلىك فىزىك، ئىلغار جامائەت ئەربابى. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فىزىكا ۋە خىمىيە ئىنستىتۇتى، پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1926-يىلى فىزىكا ئالىمى كيۇرې خانىمنىڭ چوڭ قىزى ئىرېنې كيۇرې (Irene Curie، 1897 — 1956) بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ، ئاتوم فىزىكىسىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلغان. 1935-يىلى ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1937-يىلىدىن باشلاپ فرانسىيە ئىنستىتۇتىدا پروفېسسور بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە پائال قاتناشقان.1942-يىلى فرانسىيە كومپارتىيىسىگە قاتناشقان. 1944-يىلى 8-ئايدا پارىژ قوراللىق قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۇزاق مەزگىل فرانسىيە ئاتوم ئېنېرگىيىسى كومىتېتىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1946-يىلى فرانسىيىنىڭ ب د ت خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىلمىي مەسلىھەتچىسى بولغان. 1948-يىلى فرانسىيىنىڭ تۇنجى ئاتوم رېئاكتورى قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. دۇنيا تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىلىرىنىڭ بىرى. 1947-يىلى دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش يىغىنى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1951-يىلى دۇنيا تىنچلىقى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان.

يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى

  • يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى[يەشمىسى:] ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى لوندوندا چاقىرغان ھىندىستاندىكى سىياسىي كۈچلەر ۋە پارتىيە-گۇرۇھلار قاتناشقان يىغىن. بۇ يىغىن 1932 — 1934-يىلى سىمون تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ تەكلىپى بويىچە چاقىرىلغان، ئاساسەن ھىندىستاندا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. يىغىن جەمئىي ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن، بىرىنچى قېتىمقىسى 1930-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 1931-يىل 1-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە داۋام قىلغان. ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسى بايقۇت ئېلان قىلىپ، ۋەكىل ئەۋەتمىگەنلىكتىن، نەتىجە ھاسىل قىلىنمىغان. ئىككىنچى قېتىمقىسى 1931-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە داۋام قىلغان. گەندى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىگە ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. دىنىي مەزھەپلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى ئاساسىي قانۇنلۇق ئاپپاراتتىكى ئورنىنىڭ تەقسىماتى مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش بولۇپ، قاتماللىق ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. ئۈچىنچى قېتىمقىسى، 1932-يىل 11-ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە داۋام قىلغان. بۇنىڭدا ھىندىستان ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى تەييارلىنىپ، «1935- يىلىدىكى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى» ئۈچۈن ئاساس سېلىنغان.

يۇنان (قەدىمكى زامان)

  • يۇنان (قەدىمكى زامان)[يەشمىسى:] بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى، ئېگېي دېڭىزى ئاراللىرى ۋە كىچىك ئاسىيا دېڭىز بويىدىكى جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوننىڭ نامى. قەدىمكى گرېكلار (Graeci ياكى Hellenes) بۇ رايونغا تارقالغان ۋە ئولتۇراقلاشقان ھەمدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىرمۇنچە شەھەر دۆلەتلىرى (شەھەر ئىتتىپاقى) نى بەرپا قىلغان. بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ ئۆزى (گرېتسىيە يېرىم ئارىلى) دىكى زېمىنى تەبىئىي ئەھۋالغا قاراپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: شىمالىي قىسمى فىسالىيە ۋە ئىپروسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ ئوتتۇرا قىسمى ئىتولىيە، بېئوتىيە، ئاتتىكا قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ جەنۇبىي قىسمى پېلوپوننېس دەپ ئاتىلىپ، ئاركادىيە، مېسنىيە، لاكونىيە قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئېگېي دېڭىزىدا چوڭ-كىچىك جەمئىي 400دىن كۆپرەك ئارال بولۇپ، كىچىك ئاسىيا قىرغاقلىرى ئىئولىيە ۋە ئىئونىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. گرېتسىيە يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى قەدىمكى ئاھالىلەر پېلاسگىلار (Pelasgi) دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئەتراپىدا شىمالىي تەرەپتىن ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىدىكى خەلقلەر ئۈزلۈكسىز ھالدا بۇ جايغا كۆچۈپ كىرگەن بولۇپ، بۇلار كېيىن ئاخىيلار، ئىئونىيلار، ئىئولىيلار ۋە دوريانىلار دەپ ئاتالغان،ئۇلار قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى (بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئېگېي دېڭىزىدىكى ئاراللار ۋە كىچىك ئاسىياغا تارقالغان)بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىلادىدىن 3000 — 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللىرىدىكى كرىت مەدەنىيىتى بىلەن مىكېناي مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېگېي مەدەنىيىتى — برونزا مەدەنىيىتىگە تەۋە مەدەنىيەت. ئالدىنقىسى ئاۋۋال كرىت ئارىلىغا كىرگەن غەيرىي يۇنان تىلىدىكى ئاھالىلەر تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان بولۇپ، مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئۆپچۆرىسىدە دۆلەت قۇرۇشقا باشلاپ، سىنىپىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغان؛ كېيىنكىسىنى يۇنان تىلىدىكى ئاخىيلار ياراتقان بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅢ ئەسىر ئۆپچۆرىسىدە دۆلەت قۇرۇپ، سىنىپىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغان. بۇ ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ھەممىسى ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. دوريانىلارنىڭ جەنۇبقا قاراپ كۆچۈشى بىلەن، قەبىلە-ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى يۇناندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ — Ⅺ ئەسىردىكى گومېر دەۋرىدىكى يۇناندا ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى يىمىرىلىشكە قاراپ يۈز تۇتۇپ، سىنىپىي جەمئىيەتكە قاراپ ئۆتۈشكە باشلىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ — Ⅷ ئەسىرلەردە تۆمۈر قوراللار ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى باي -كەمبەغەلگە بۆلۈنۈشنى تېزلەتكەن. ئاخىر سىنىپىي جەمئىيەتنىڭ تىكلىنىشىگە ئېلىپ كەلگەن. تۈركۈم-تۈركۈم قۇللۇق تۈزۈمدىكى شەھەر دۆلەتلىرى بارلىققا كەلگەن؛ نۇرغۇن شەھەر دۆلەتلىرى كولونىيە (ئاھالە كۆچۈرۈش)چىلىكنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقى ۋە غەربى ھەمدە قارا دېڭىز بويلىرى ئەتراپىدا بىر تۈركۈم كولونىيىلىك شەھەرلىرىنى قۇرۇپ، رايونلار ئارا مال ئالماشتۇرۇش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغان. جەنۇبىي يۇناندىكى سپارتادا ئاقسۆڭەك ئولىگارخلار ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ، ھەربىي ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا باشقا شەھەر دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، سپارتانى باش قىلغان پېلوپوننېس ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان. ئوتتۇرا يۇناننىڭ ئاتتىكا رايونىدىكى ئافىنادا ئاددىي خەلق بىلەن ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش داۋامىدا، سولون ۋە كلىستېننىڭ بىر قاتار ئىسلاھاتلىرى ئارقىلىق، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرى قۇلدارلارنىڭ دېموكراتىك سىياسىتى شەكىللىنىپ، ئۇنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى پېرسىيىنىڭ تاجاۋۇزى (يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى)نى مەغلۇپ قىلىپ، ئافىنا باشچىلىقىدا دېلوس ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان؛ بۇ ئىتتىپاق ئافىنانىڭ دېڭىزدىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتكەن ھەمدە ئاخىر بېرىپ ئافىنانىڭ باشقا ئاجىز ئىتتىپاقچى شەھەر دۆلەتلىرىنى باستۇرۇشىدىكى قورالىغا ئايلانغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردە يۇنان قۇللۇق تۈزۈم ئىگىلىكى، بولۇپمۇ قول سانائىتى بىلەن سودىسى (ئىچكى-تاشقى سودىسى) جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، دېموكراتىك سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىمۇ گۈللەپ-ياشنىغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەت ۋە سپارتا بىلەن ئافىنا ئوتتۇرىسىدا گرېتسىيىگە بولغان زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىپ بارغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرى سپارتا بىلەن ئافىنا ئۇرۇش (پېلوپوننېس ئۇرۇشى)قىلغان. باشقا كۆپلىگەن شەھەر دۆلەتلىرىمۇ بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان. بۇ ئۇرۇش ئافىنانىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلىشىپ، دېلوس ئىتتىپاقىمۇ تارقىتىۋېتىلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى ئومۇميۈزلۈك كرىزىسنى بېشىدىن كەچۈرگەن. ئافىنا بىلەن سپارتا داۋاملىق ئۇرۇشۇپ تۇرغان. پېرسىيە پادىشاھى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ گرېتسىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقان؛ بۇ مەزگىلدە تىببېس (ئوتتۇرا گرېتسىيىنىڭ بىئوتىيىدە) بىر مەھەل باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، سپارتاغا قاتتىق زەربە بەرگەن. مىلادىدىن 338 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن خېرونېيە جېڭىدە يۇنان مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يۇنان شىمالدىكى قوشنىسى بولغان ماكىدونىيە پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ماكىدونىيىلىك ئالېكساندرنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى بىلەن يۇنانلىشىش دەۋرى (مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرى مىسىر رىم تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغىچە بولغان ۋاقىت) گە قەدەم قويغان؛ بۇ مەزگىلدە شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشقان. ئالېكساندرىيە (مىسىردىكى ئىسكەندەرىيە شەھىرى)ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى سودا-سانائەت ۋە ئىلىم-پەن، مەدەنىيەتنىڭ مەركىزى بولۇپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرى يۇناننىڭ ئۆزىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى رايون خاراكتېرلىك ئىتتىپاق — ئىتولىيە ئىتتىپاقى (ئوتتۇرا يۇناندا) بىلەن ئاخىيە ئىتتىپاقى (جەنۇبىي يۇناندا) تەشكىل قىلىنىپ، ماكىدونىيىگە قارشى تۇرۇپ، ئىتتىپاققا قاتناشقان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ قالماقچى بولغان، بىراق يۇناننى زاۋاللىقتىن ساقلاپ قالالمىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، رىم كەڭ كۆلەمدە شەرققە قاراپ كېڭىيىپ، مىلادىدىن 168 يىل ئىلگىرى، ماكىدونىيە پادىشاھلىقىنى ئىستېلا قىلغان، يۇنان مەغلۇپ بولغان، مىلادىدىن 146 يىل ئىلگىرى، كورىنتوس قولدىن كېتىپ، ئاخىر گرېتسىيە رىم زېمىنىغا قوشۇۋېلىنغان. قەدىمكى يۇناننىڭ بەزى راۋاجلانغان شەھەر دۆلەتلىرى (ئافىنانى ئاساس قىلغان)، قۇللۇق تۈزۈمى ئاساسىدىكى مول، كۆپ خىل مەدەنىيەتنى ياراتقان. رىۋايەت-ئەپسانە، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئىلىم-پەن، پەلسەپە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى بىلەن قەدىمكى رىم دۇنياسى ۋە كېيىنكى ياۋروپاغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن. «يۇنان مەدەنىيىتى ]قەدىمكى زامان[»غا قاراڭ. 

يونكىرلار ۋەقەسى

  • يونكىرلار ۋەقەسى[يەشمىسى:] نويابىر ۋەقەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1934-يىل 11-ئاينىڭ 20-كۈنى، ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە دائىرىلىرى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر مەكتىپىنىڭ بىرتۇتاش ئىدارە قىلغۇچىلاردىن بولغان داۋمېي ئوقۇتقۇچىسى تىسۇجى ماسونۇبۇ (1902 — 1968) نىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن، قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىماقچى دېگەننى باھانە قىلىپ، پادىشاھپەرەسلەرنىڭ ئوفىتسېرى مۇراناكا كوجى، ئىسوبې كانىجى بىلەن يونكىرلار مەكتىپىنىڭ بەش نەپەر ئوقۇغۇچىسىنى قولغا ئالغان. ھەربىي قانۇن كېڭىشى پاكىت تولۇق ئەمەس دەپ قاراپ، ئەيىبلىمەيلا ئىككى ئوفىتسېرنى ئالتە ئاي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا، بەش نەپەر ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن چېكىندۈرۈشكە بۇيرۇق قىلغان. پادىشاھپەرەسلەر مۇشۇ ئىش ئارقىلىق بىر تۇتاش ئىدارە قىلغۇچىلارغا ھەدەپ ھۇجۇم قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ قارىمۇ قارشىلىقى بارغانسېرى كۈچەيگەن. 

يوھان فرۇن ھەرىكىتى

  • يوھان فرۇن ھەرىكىتى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدا يېڭى ھېبرىد تاقىم ئاراللىرى (ھازىرقى ۋانۇئاتۇ)نىڭ تانا (Tana) ئارىلىنى مەركەز قىلغان ھالدا كۆتۈرۈلگەن مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ھەرىكەت. بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقۇچىلار، ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلغۇچىلارنى رىۋايەتتىكى يوھان فرۇن دەپ ئاتىلىدىغان شەخسنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ دەپ ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. ھەرىكەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئەنگلىيە، فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان نارازىلىقى سەۋەب بولغان. دەسلەپ چېركاۋ، بولۇپمۇ پرېسىۋېتىرىئاللىققا قارشى چىققان؛ ئارقىدىنلا چېركاۋ تەرىپىدىن مەنئى قىلىنغان ئەنئەنىۋى يىغىلىش ۋە كاۋا شارابىنى ئىچىش قاتارلىق مۇراسىملىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن؛ قوللىرىدىكى ياۋروپا پۇللىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتكەن. بارلىق مىسسىئونېرلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتىش دەرىجىسىگىچە يېتىپ بارغان. 1943-يىلى ئۆكتەبردە تانا ئارىلىدا قوراللىق قوزغىلاڭ پارتلىغان. مۇستەملىكىچى دائىرىلەر ئامېرىكىنىڭ ئارالدا تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ قوللىشى بىلەن قاتتىق باستۇرۇۋەتكەن. يولباشچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان. ھەرىكەت مەخپىي ھالەتكە كۆچكەن. ھەرىكەت تاكى 70-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرغان. 

يوھاننېسⅣ

  • يوھاننېسⅣ[يەشمىسى:]YohannesⅣ،1831 — 1889)جونⅣ(JohnⅣ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېفىئوپىيە پادىشاھى (1872 — 1889). ئېفىئوپىيىنىڭ شىمالىدىكى تېگرېدە ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تېئودورⅡ تەرىپىدىن قورۇل قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىنرەك تېگرې ئۆلكىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1868-يىلى ئەنگلىيىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى ئارمىيىسى تەرىپىدە تۇرۇپ تېئودورⅡگە قارشى چىققان. 1871-يىلى ئەنگلىيىنىڭ قوللىشى بىلەن ھەرقايسى بەگلىكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، دۆلەتنى ئاساسەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى يوھاننېسⅣ دەپ ئاتاپ ⅪⅩ ئەسىردىكى ئېفىئوپىيىنىڭ كۈچلۈك پادىشاھلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 1875 — 1876-يىللىرى مىسىرنىڭ تاجاۋۇزىنى مەغلۇپ قىلغان. 1878-يىلى شۇئا پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرغان.1887 — 1888-يىللىرى ئىتالىيە قوشۇنلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان. 1885 — 1889-يىللىرى سۇلتان مەھدى دۆلىتى بىلەن ئۇرۇش ئېلىپ بارغان. 1889-يىلى 3-ئايدا مېستېمما جېڭىدە يارىدار بولۇپ ئۆلگەن. 

يۇپىتېر

  • يۇپىتېر[يەشمىسى:]Jupiter ياكى Juppiter) قەدىمكى رىملىقلارنىڭ ئاساسلىق خۇداسى بولۇپ، يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى زېۋىسقا توغرا كېلىدۇ.چاقماق،گۈلدۈرماما،بوران-يامغۇرلارنى باشقۇرىدۇ، يورۇقلۇق خۇداسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رىمنىڭ ئارمىيە خۇداسى دېگەن نامىمۇ بار. كاپتولى دۆڭلۈكىدە يۇپىتېر ئىبادەتخانىسى بار. يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان ياكى سەركەردىلەر ھەربىي يۈرۈشتىن زەپەر قۇچۇپ كەلگەندە، قائىدە بويىچە نەزىر-چىراق بۇيۇملىرىنى تەقدىم قىلىدۇ. خوتۇنى (ھەم بىر تۇغقىنى)يۇنو (يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ھېراغا توغرا كېلىدۇ)ۋە باشقا مەبۇدىلەر بىلەن كۆپ پەرزەنت كۆرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇرۇش خۇداسى مارس، قۇياش خۇداسى ئاپوللون،ئەقىل-پاراسەت خۇداسى مىنېرۋا، ئاي خۇداسى دىئانا، مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك خۇداسى ۋېنېرا قاتارلىقلار بار؛ «خۇدالارنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتىلىپ، ئەڭ ئالىي نوپۇزدىن بەھرىمەن بولغان. يۇپىتېر لاتىنچىدا «ئاسمان تەڭرىسى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇنىڭ تەڭرىلىك خۇسۇسىيىتى دېھقانچىلىقتا مول ھوسۇل ئېلىش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. 

يۇتلار

  • يۇتلار[يەشمىسى:]Juts ياكى Juts) قەدىمكى گېرمانلارنىڭ بىر تارمىقى. دەسلىپىدە يوتلاندىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىغا تارقالغان. يەنە بىر ئېيتىلىشتا دەسلىپىدە رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا تارقالغان ھەمدە فرانكلار بىلەن تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بولغان دەپمۇ قارىلىدۇ. مىلادى Ⅵ — Ⅴ ئەسىرلەردە بىر بۆلۈك گوتلار ئانگلولار ۋە ساكسونلار بىلەن بىللە ئارقا-ئارقىدىن دېڭىزدىن ئۆتۈپ برىتانىيە ئارىلىغا بېسىپ كىرىپ، تېمزا دەرياسى ئېغىزى ئەتراپىنى ئىگىلەپ، كېنت پادىشاھلىقىنى قۇرغان. Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىر مەھەل كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئۇزاق ئۆتمەي ئاجىزلاپ كەتكەن. Ⅸ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەربىي ساكس پادىشاھى ئېگبېرت تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئانگلولار ساكسونلار بىلەن قوشۇلۇپ، ئانگلو-ساكسونلارنى شەكىللەندۈرگەن. چوڭ قۇرۇقلۇقتا قېپقالغان يۇتلار دانىيىلىكلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن. 

يۇتېئوبانگو ئۆزگىرىشى

  • يۇتېئوبانگو ئۆزگىرىشى[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ پىڭئەن دەۋرىدە فوجى يوشى بىلەن باشقا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھاكىمىيەت تالىشىش ۋەقەسى. مىلادى 833-يىلى تېننو ۋاتاۋ خانلىق ئورنىنى تېننو كاسىرانىڭ ئوغلىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. ئۇ تېننو زانمېي دەپ ئاتالغان. تېننو زانمېي تېننو ۋاتاۋنىڭ ئىككىنچى ئوغلى، شاھزادە يېچونى ۋەلىئەھدلىككە تەيىنلىگەن. 840-يىلى ۋاتاۋ ئۆلگەن. 842-يىلى (يۇتېئو بانگونىڭ 9-يىلى ) 7-ئاينىڭ 15-كۈنى كاسىرامۇ ئۆلۈپ كەتكەن، ئىككى كۈندىن كېيىن بەزىلەر بانجۇ كېنوغا ۋەلىئەھدنىڭ شەرقتىكى جايلارغا كەتكەنلىكىنى مەخپىي ھالدا دوكلات قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ۋەلىئەھد بىكار قىلىنغان. بانجۇ ۋە كېنو قاتارلىقلار سۈرگۈن قىلىنغان. تېننو زانمېي فۇجىيوزىمىنىڭ پۇشتى، شاھزادە مېرادويانى ۋەلىئەھدلىككە تەيىنلىگەن. 848-يىلى يوزىمىكورا ئوڭ قول ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن ۋە نائىب دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن نائىبلىق ۋە گۇەنبەيلىك ئورنى فۇجىيو جەمەتى تەرىپىدىن مونوپول قىلىۋېلىنغان. 

يۇدا

  • يۇدا[يەشمىسى:] ئادەتتە «كارىئولىق يۇدا» (يۇنانچە Iouda Iskariotes) يەنى ئەيساغا خائىنلىق قىلغۇچى يۇدانى كۆرسىتىدۇ. «ئىنجىل. گوسپېل»دا يۇدا قىددىس ئەيسانىڭ ئون ئىككى مۇخلىسىنىڭ بىرى دەپ ئاتالغان. كېيىن ئۇ 30 تەڭگىنى دەپ، ئەيسانى يەھۇدىي دائىرىلىرىگە ساتقان ھەمدە ئەيسانى تۇتماقچى بولغانلارغا يول باشلاپ بېرىپ، ئەيسانىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيگەن (بۇ ئالدىن بەرگەن مەخپىي بەلگە ئىدى). ئەيسا شۇنىڭ بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. كېيىن يۇدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن «يۇدا» ئاتالغۇسىنى كىشىلەر دائىم خائىن دېگەن مەنىدە قوللىنىدىغان بولغان. 

يۇدېنىچ

  • يۇدېنىچ[يەشمىسى:]Николай Николаевич Юденич،1862 — 1933) سوۋېت روسىيىسىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي كاتتىباشلاردىن بىرى. چارروسىيىنىڭ سابىق گېنېرالى. روسىيە-ياپون ئۇرۇشىغا قاتناشقان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كاپكاز جۈنتۇەننىڭ قوماندانى، كاپكاز فرونتىنىڭ باش قوماندانى بولغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن فىنلاندىيىگە قاچقان، كېيىن ئېستونىيىگە قېچىپ بارغان. 1919-يىلى كولچاك تەرىپىدىن غەربىي شىمال ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. شۇ يىلى مايدىن ئاۋغۇستقىچە ۋە ئۆكتەبردىن نويابىرغىچە ئىككى نۆۋەت پېتروگرادقا ھۇجۇم قىلىپ، قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان. 1920-يىلى ئەنگلىيىگە قېچىپ بېرىپ سوۋېت ھاكىمىيىتىگە داۋاملىق قارشى تۇرغان. 

يۇرتدارچىلىق قانۇنلىرى

  • يۇرتدارچىلىق قانۇنلىرى[يەشمىسى:]چاۋشيەن لى سۇلالىسى مەزگىلىدىكى قانۇن. جەمئىي ئالتە جىلد، يەنى مەنسەپ، نوپۇس،قائىدە-يوسۇن، ھەربىي، جازا ۋە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئالتە قانۇندىن تەركىب تاپقان. شىزو (1455 — 1468-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) زامانىسىدا سۇيخىڭ قاتارلىقلارنى تۈزۈشكە ئەمىر قىلغان. ئەسلىدىكى «يۇرتدارچىلىق ئىشىدىكى ئالتە قانۇن»، «ئالتە قانۇننىڭ داۋامى» ۋە «يۇرتدارچىلىق ئىشىدىكى ئالتە قانۇننىڭ كۆچۈرۈلمىسى» (ھەممىسى يوقىلىپ كەتكەن) قاتارلىقلارنىڭ مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ھەمدە ئۇنىڭغا كېيىنكى پەرمانلارنى قوشۇپ، 1471-يىلى (چىڭزۇڭنىڭ 2-يىلى) نەشىر قىلىنغان. كېيىن كۆپ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 1485-يىلى (چىڭزۇڭنىڭ 16-يىلى)غا كەلگەندە ئاخىر پۈتكەن. مەزكۇر كىتاب لى سۇلالىسىنىڭ ئالدىنقى دەۋرىدىكى قانۇن-تۈزۈملىرى ۋە جەمئىيىتى، ئىقتىسادى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا ئاساسلىق تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ئەسلى نەشرى يوقىلىپ كەتكەن، ياپونىيە سېلىشتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن نۇسخىسىنى نەشىر قىلغان. 

يۇرتدارچىلىق ئۆرنەكلىرى

  • يۇرتدارچىلىق ئۆرنەكلىرى[يەشمىسى:] كىتاب ئىسمى. چاۋشيەن لى سۇلالىسى مەزگىلىدە ئۆتكەن ئەمەلىيەتچىل ئالىم دىڭ رويوڭ 1817-يىلى دىكاڭجىنغا سۈرگۈن قىلىنغاندا يېزىشقا باشلىغان. كېيىن كۆپ يىل سەرپ قىلىپ پۈتتۈرگەن. ئاپتور كىتابتا ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىسلاھات نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بولۇپمۇ مالىيە جەھەتتىكى يادرولۇق مەسىلە يەر ھەمدە باج تۈزۈمى ئۈستىدە ئۆزىنىڭ ئىسلاھات لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 43 جىلدلىق ياكى 44 جىلدلىق بۇ كىتاب «يۇيوتاڭ ئېنسكلوپېدىيىسى»گە كىرگۈزۈلگەن. 

يورۇق بىنا ۋەقەسى

  • يورۇق بىنا ۋەقەسى[يەشمىسى:] ئامېرىكىدىكى سىياسىي سەتچىلىك. 1972-يىل 6-ئاينىڭ 17-كۈنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلام رىقابىتى كومىتېتى بەش ئادەمنى ۋاشنگتوندىكى يورۇق بىنا ياتاق بىناسىدىكى دېموكراتلار پارتىيىسى باش شتابىنىڭ خىزمەت بىناسىغا ئوغرىلىقچە كىرگۈزۈپ، ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئەسۋابى ئورنىتىپ، سىياسىي رەقىبلىرىنىڭ سايلام رىقابىتى تەييارلىق ھەرىكىتى ئەھۋالىنى رازۋېت قىلىشقا ئۇرۇنغان. بۇ ئىش قانۇنسىز بولغاچقا ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇۋېلىنغان. ۋەقەدىن كېيىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن نىكسون(Richard Milhous Nixon، 1913 —) زۇڭتۇڭ كۈچىنىڭ بارىچە ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى يوشۇرغان، پارلامېنتتىكى ئىككى پالاتا ئەيىبلىمەكچى بولغان.نىكسون 1974-يىلى 8-ئايدا ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ فورد(Gerald Rudolph Ford، 1913 —) زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، نىكسوننىڭ مەسئۇلىيىتىنى قايتا سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ۋەقە شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان. 

يۇستىنىئان

  • يۇستىنىئان[يەشمىسى:]Flavius Anicius Ju stininianus، 483 — 565) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى(527—565). ئىللىرىيىدىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ تاغىسى، ئىمپېراتور يۇستىن (Justinus، 450 — 527) تەختتىكى مەزگىللىرىدە ئوردا سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلاشقان. مىلادى 523-يىلى تەدبىرلىك ۋە كەسكىن ئىش كۆرىدىغان تېئودورا (Theodora، تەخمىنەن مىلادى 500 — 548-يىللىرى) بىلەن توي قىلىپ، ئۇنى ئۆز مەسلىھەتچى ۋە ئەقىلدارى ئورنىدا كۆرگەن. تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن ۋىزانتىيىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى قوغدىغان ھەمدە بىرلىككە كەلگەن رىم ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 528-يىلى، «دۆلەت قانۇنى قامۇسى»نى تۈزۈش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرگەن. 532-يىلى كونستانتىنوپولدىكى نىكا قوزغىلىڭىنى باستۇرغان ھەمدە ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ بيۇروكرات ئاپپاراتىنى كۈچەيتكەن. تاشقى جەھەتتە، 533 — 534-يىللىرى شىمالىي ئافرىقىدىكى ۋاندالىن پادىشاھلىقىنى، 535 — 555-يىللىرى ئىتالىيە يېرىم ئارىلىدىكى شەرقىي گوت پادىشاھلىقىنى يوقاتقان، 554-يىلى غەربىي گوتلارنىڭ قولىدىن ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىنى تارتىۋالغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقتىكى قوشنىسى پېرسىيە بىلەن توقۇنۇشقان. يۇستىنىئان ئۆز دۆلىتىنى ئاسايىشلىق دۆلەت قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن كەڭ تۈردە ھاشار توپلاپ، ھەدەپ قۇرۇلۇش قىلىپ، كۆپلىگەن ئوردا-قەسىر، چېركاۋلارنى ياساتقۇزغان، بۇنىڭ ئىچىدە كونستانتىنوپولدىكى مۇقەددەس سوفىيە چېركاۋسى ناھايىتى كۆركەم سېلىنغان بولۇپ، دۇنياغا مەشھۇر. 

يۇستىنىئان قانۇنى

  • يۇستىنىئان قانۇنى[يەشمىسى:] رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ قانۇنلار توپلىمى بولۇپ، «دۆلەت قانۇنى قامۇسى» نىڭ تەركىبىي قىسمى. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى يۇستىنىئاننىڭ پەرمانى بويىچە تۈزۈلگەنلىكتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. يۇستىنىئان مىلادى 528-يىلى ترىبونېئان(Tribonianus، ؟— 545) باشچىلىقىدىكى ئون نەپەر قانۇنچىنى تەيىنلەپ تەشكىللەنگەن كومىتېت رىم ئىمپېرىيىسى مەزگىللىرىدىكى خۇسۇسىيلار تۈزگەن «گرېگورې قانۇنى» (291-يىلى)، «ھېرموگېن قانۇنى» (294-يىلى) ۋە دۆلەت تەرەپ تۈزگەن «تېئودوس قانۇنى» (438-يىلى ئېلان قىلىنغان، كونستانتىن Ⅰ دىن تېئودوس دەۋرىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان پادىشاھلارنىڭ ئەمر-پەرمانلار توپلىمى)نى سېلىشتۇرۇپ بېكىتىپ، بەزىبىر ئېنىق بولمىغان ماددىلارنى چىقىرىۋېتىپ ھەمدە تېئودوستىن كېيىنكى بارلىققا كەلگەن قانۇنلارنى كىرگۈزۈپ، 529-يىلىغا كەلگەندە ئون توملۇق قانۇنلار توپلىمىنى تۈزۈپ چىققان. 534-يىلى ترىبونېئان باشچىلىقىدىكى كومىتېت يەنە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە ئۇنى تولۇقلاپ 12 توم قىلىپ تۈزۈپ چىققان. ئىمپېراتور ھادرىئاندىن تارتىپ 534-يىللىرىغىچە ئۆتكەن رىم ئىمپېراتورلىرى ئېلان قىلغان قانۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 

يۇستىنىئان قانۇنلىرى توپلىمى

  • يۇستىنىئان قانۇنلىرى توپلىمى[يەشمىسى:] يەنى:«查士丁尼法典». 

يۇقىرى ئاۋسترىيە دېھقانلىرىنىڭ قوزغىلىڭى

  • يۇقىرى ئاۋسترىيە دېھقانلىرىنىڭ قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] يۇقىرى ئاۋسترىيە دېھقانلىرى 1626-يىلى باۋارىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۆتۈرگەن قوزغىلاڭ. 30 يىللىق ئۇرۇش (1618 — 1648) پارتلىغاندىن كېيىن، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى فېرناندو Ⅱ 1620-يىلى يۇقىرى ئاۋسترىيىنى باۋارىيىنىڭ كىنەزى ماكسىمىلىيانⅠ نىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. ماكسىمىلىيان باش ۋالىي ئەۋەتىپ، يۇقىرى ئاۋسترىيىنىڭ يەرلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى خالىغانچە تارتىۋالغان، پىروتېستانتلارنى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. باۋارىيىنىڭ ئەسكەرلىرى بارغانلىكى يەردە ئەسكىلىك قىلىپ، شۇ يەردىكى دېھقانلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان. قوزغىلاڭ 1626-يىلى 5-ئايدا پارتلىغان. ئۇنىڭغا دېھقانلاردىن باشقا، يەنە شەھەر ئاھالىلىرى ۋە پىروتېستانتتىكى بىر قىسىم ئاقسۆڭەكلەر قاتناشقان، قوزغىلاڭچىلارنىڭ يولباشچىسى ئەسكەرلىكتىن كېلىپ چىققان سېتفېن فادىنگېر ئىدى.قوزغىلاڭچى قوشۇن 7-ئاينىڭ باشلىرىدا لىنز(Linz) دىن باشقا پۈتكۈل يۇقىرى ئاۋسترىيىنى ئىشغال قىلىۋالغان. 7-ئايدا فادىنگېر ئوق تېگىپ ئۆلگەن. قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىناقسىزلىق يۈز بەرگەنلىكتىن، كۈچى ئاجىزلىشىپ كەتكەن. فېرناندو Ⅱ قوزغىلاڭچى قوشۇننى باۋارىيىنىڭ ۋەكىلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىزىقتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە يۇقىرى ئاۋسترىيىگە ياللانما ئارمىيە ئەۋەتىپ، قوزغىلاڭچى قوشۇنغا بېسىم ئىشلەتكەن. سۈلھ شەرتنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچى قوشۇن كەينى-كەينىدىن تارقىلىپ كەتكەن. شۇ چاغدا باۋارىيىنىڭ كۆپلىگەن قوشۇنلىرى يۇقىرى ئاۋسترىيىگە كىرىپ، قوزغىلاڭچىلارنى كەڭ كۆلەمدە قىرغان. 12-ئايغا كەلگەندە قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.

يۇقىرى لوررېن كىنەزلىكى

  • يۇقىرى لوررېن كىنەزلىكى[يەشمىسى:] مىلادى 959-يىلى لوررېن پادىشاھلىقى پارچىلانغاندىن كېيىن، يۇقىرى لوررېن، يەنى مائاس (Maas) ياكى مېئوس (Meuse) دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى ۋە موسېلل(Moselle) دەرياسى ۋادىسىدا قۇرۇلغان كىنەزلىك. گېرمانىيە پادىشاھلىقىغا (مىلادى 926-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن) بويسۇنىدۇ. يۇقىرى لوررېن ⅩⅡ ئەسىردىن باشلاپ «لوررېن»دەپ ئاتالغان. 

يۇگۇرتا ئۇرۇشى

  • يۇگۇرتا ئۇرۇشى[يەشمىسى:] رىم بىلەن نومىدىيە ئوتتۇرىسىدا بولغان ئۇرۇش. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە نومىدىيە پادىشاھلىقى (شىمالىي ئافرىقا) رىمنىڭ بېقىندىسى بولۇپ قالغان. رىم قۇلدارلىرى، بولۇپمۇ رىتسارلار سىنىپى بۇ باي، مۇنبەت رايوننى كونترول قىلىشنى خېلى بۇرۇنلا كۆڭلىگە پۈككەن. مىلادىدىن 113 يىل ئىلگىرى نومىدىيىدە تەخت تالىشىش ماجىراسى يۈز بېرىپ، يۇگۇرتا (Jugurha مىلادىدىن ئىلگىرى 160 — 104) رىملىقلار قوللىغان رەقىبىنى يەڭگەن ھەمدە مىلادىدىن 112 يىل ئىلگىرى سىرتانى (Cirta)ئىگىلىگەندە، سودىگەرچىلىك قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم رىملىقلار ۋە ئىتالىيىلىكلەرنى ئۆلتۈرگەن. مىلادىدىن 111 يىل ئىلگىرى، رىم سېناتى يۇگۇرتا پادىشاھلىقىغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان. رىم ئافرىقىغا ئەۋەتكەن سەركەردىلەر ئارقا-ئارقىدىن يۇگۇرتا تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاچقا، ئۇرۇشتا كۈچ چىقارماي ئۇدا يېڭىلىۋەرگەن. بۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن يۇگۇرتا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن رىمغا كېلىپ، رىمدا يەنە مەلۇم ھۆكۈمراننى سېتىۋالغان، كېيىن يەنە ئۇرۇش قوزغىلىپ، رىملىقلار يەنىلا ئانچە ئالغا سىلجىيالمىغان. مىلادىدىن 107 يىل ئىلگىرى مارىئۇس كونسۇل بولۇپ، ئىككىنچى يىلى قول ئاستىدىكى سەركەردە سوللا بىلەن بىللە ئافرىقىغا يۈرۈش قىلغان. مىلادىدىن 105 يىل ئىلگىرى رىملىقلار ئاخىر ئۇرۇشتا يېڭىپ چىقىپ، يۇگۇرتانى ئەسىر ئېلىپ، رىمدا ئۆلتۈرگەن. نومىدىيە پارچىلىۋېتىلىپ، رىمغا تېخىمۇ بېقىنىدىغان بولغان. 

يۇگېرۇم

  • يۇگېرۇم[يەشمىسى:]Jugerum) قەدىمكى رىمنىڭ مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى. بىر يۇگېرۇم 4/1 گېكتارغا توغرا كېلىدۇ (100 يۇگېرۇم تەخمىنەن 25 گېكتارغا باراۋەر). 

يۇڭ تارىغۇچى ئىشچىلار قوزغىلىڭى

  • يۇڭ تارىغۇچى ئىشچىلار قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] جۇل-جۇللار قوزغىلىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1378-يىلى ئىتالىيىدىكى فلورېنسىيە يۇڭ تاراش ئىشچىلىرى ۋە كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سىرتىدىكى ئۇششاق ھۈنەرۋەنلەرنىڭ قوزغىلىڭى. ⅩⅣ ئەسىردە، فلورېنسىيە جۇمھۇرىيىتىدە يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە كاپىتالىزمنىڭ يۇڭ توقۇمىچىلىق سانائىتىدە ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، قوي يۇڭى تارىغۇچى ئىشچىلار كۆپلەپ كۆپەيگەن. ئۇلارنىڭ كۈنلۈك ئەمگەك ۋاقتى14— 16 سائەتكە يەتكەن، ئىش ھەققى بەك ئاز بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى سايلىمىغا قاتنىشىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان. كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سىرتىدىكى ئۇششاق قول ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئورنى قوي يۇڭى تارىغۇچى ئىشچىلارنىڭكىگە يېقىن بولغان. 1378-يىلى 6-، 7-ئايلاردا، قوزغىلاڭچىلار بايلارنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرىنى كۆيدۈرگەن، شەھەر مەمۇرىيىتى ئورگانلىرى ئاقساقاللار يىغىنىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، باشقىدىن قوي يۇڭى تاراش ئىشچىسى لاندو(Lando) رەھبەرلىك قىلغان يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان ھەمدە يۇڭ تاراش ئىشچىلىرى، ماشىنىچىلار، ساتىراشلار ئۇيۇشمىسى دېگەن ئۈچ يېڭى كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللەش، خەلق ئەسكەرلىرى بەرپا قىلىش، نەچچە ئونلىغان «خام سېمىزلار» (چوڭ سودا-سانائەتچىلەر)نى مەمۇرىيەتكە قاتنىشىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش، دارامەتكە قاراپ ئېشىپ بارىدىغان باج ئېلىش، كەمبەغەللەرگە قۇتقۇزۇش ئاشلىقى بېرىشكە ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللانغان. «خام سېمىزلار»ئىتتىپاق تۈزۈپ ئوقەتنى توختىتىپ، ئىشچىلارنى ئىشسىزلىق ۋە ئاچارچىلىق ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويغان ھەمدە لاندونى سېتىۋالغان. شۇ يىلى 8-ئايدا، قوي يۇڭى تاراش ئىشچىلىرى يېڭى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، لېكىن تەشكىللەش ياخشى بولمىغانلىقى ۋە ئۇششاق قول ھۈنەرۋەنلەرنىڭ تۇراقسىزلىقى ئارقىسىدا مەغلۇپ بولغان. 9-ئايدا، ئۈچ يېڭى كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، «خام سېمىزلار» يېڭىباشتىن ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن. بۇ قوزغىلاڭ تارىختا ياللانما ئىشچىلارنىڭ ئۇستىخانا ئىگىلىرىگە قارشى قىلغان تۇنجى قوزغىلىڭى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

يۇلىئان (بىدئەت)

  • يۇلىئان (بىدئەت)[يەشمىسى:]Flavius Claudius Julianus, Apostata، 332— 363) قەدىمكى رىم ئىمپېراتورى (361 — 363). كونستانتىنوپول (ۋىزانتىيە) دا تۇغۇلغان. كونستانتىنوس Ⅰ نىڭ جىيەنى. كىچىكىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان. مىلادى 355-يىلى ئافىناغا بېرىپ، يۇنان ئەدەبىياتى ۋە پەلسەپە (يېڭى ئەپلاتونچىلىق)نى تەتقىق قىلىپ بىدئەتچىلىككە مايىللاشقان بولسىمۇ، لېكىن خرىستىئان دىنىغا بولغان ئېتىقادىدىن ئاشكارا ۋاز كەچمىگەن. شۇ يىلى قىشتا ئىمپېراتور كونستانتىئوسⅡ(ConstantiusⅡ)ئۇنىڭغا «كائېسار» نامى بېرىپ، گاللىيە (ھازىرقى فرانسىيە ئەتراپى) گە چېگرىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئەۋەتكەن، رېين دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گېرمان چېگرىسىغا كىرىپ، ئالامانلار ۋە فرانكلارنىڭ بىرلەشمە قوشۇنىنى يېڭىپ، كۆپ قېتىملىق ئۇرۇشلاردا خىزمەت كۆرسەتكەن. كونستانتىئوس ئۇنى يەنى شەرققە ساسانىيلار پېرسىيىسى بىلەن ئۇرۇشۇشقا ئەۋەتكەندە، گاللىيە قوشۇنى بۇيرۇققا بويسۇنۇشنى رەت قىلىپ، يۇلىئاننى يۆلەپ ئىمپېراتور قىلغان (360-يىلى). ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغاندىن كېيىن، قوشۇن باشلاپ كونستانتىنوپولغا ھۇجۇم قىلغان. كونستانتىئوس قارشى جەڭ قىلىپ كىچىك ئاسىيادا ئۆلگەن (361-يىل). يۇلىئان تەختكە چىقىپ، ئۆزىنىڭ بىدئەتلىكىنى ئاشكارا جاكارلىغان ھەمدە بىدئەتلەرنى ھەربىي ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەپ، خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ مەكتەپلەردە گرامماتىكا، ستىلىستىكا دەرسلىرىنى ئۆتۈشىنى مەنئى قىلغان. يەھۇدىيلارنىڭ ئېرۇسالىم ئىبادەتخانىسىنى قايتا رېمونت قىلىشىغا يول قويغان. ئاغزىدا دىنغا قارىتا كەڭ قورساقلىق سىياسىتى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خرىستىئان چېركاۋىغا زەربە بەرگەن. شۇڭا كېيىنكى چاغلاردىكى چېركاۋ يازغۇچىلىرى ئۇنى چۆكۈرۈپ «بىدئەت» (Apostata) دەپ ئاتىغان. مىلادى 362-يىلى سۈرىيىگە بېرىپ، پېرسىيە بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييارلانغان. كېيىنكى يىلى ئېئۇپراتس دەرياسى ۋە تىگرىس دەرياسىدىن ئۆتۈپ، 5-ئايدا جەڭدە يارىلىنىپ ئۆلگەن. ھازىر ئۇنىڭ بىرقانچە ئەسىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ مەكتۇپلىرى، نۇتۇقلىرى، ھەجۋىي ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خرىستىئان دىنىنى تەنقىد قىلىدىغان قىسىملىرى يوقىلىپ كەتكەن. 

يۇلتۇزلۇق زال سوتى

  • يۇلتۇزلۇق زال سوتى[يەشمىسى:]ⅩⅦ — ⅩⅤ ئەسىردىكى ئەنگلىيىنىڭ ئالىي ئەدلىيە ئورگىنى. 1487-يىلى ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅶ تەسىس قىلغان بولۇپ، پادىشاھلىققا قارشى چىققان چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنى جازالىغان. سوت ۋېتېمىنىستېر ئوردىسىدىكى تورۇسى يۇلتۇزلار بىلەن نەقىشلەنگەن زالدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ سودىيىلىرى زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ ئەزالىرى، ئېپىسكوپ ۋە ئالىي دەرىجىلىك سودىيىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىۋاسىتە پادىشاھ تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان، كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە فېئودال ئىستىبداتلىق تۈزۈمىگە ۋە ئەنگلىيىنىڭ دۆلەت دىنىغا قارشى چىققان ئىلغار كۈچلەرنى بېسىقتۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن. جازالاش شەكىللىرى ئىچىدە ئوتتا كۆيدۈرۈش، قامچىلاش، ئەن سېلىش ۋە قۇلاقنى كېسىۋېتىش قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئىنتايىن قەبىھ بولغان.ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، 1641-يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى پارلامېنت تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان. 

يۇم

  • يۇم[يەشمىسى:]1) داۋىد يۇم (David Hume، 1711 — 1776) ئەنگلىيىلىك ئىدېئالىست پەيلاسوپ، تارىخشۇناس ۋە ئىقتىسادشۇناس. شوتلاندىيىلىك سۇنغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئېدېنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئوقۇغان. 1734-يىلى فرانسىيىگە بېرىپ پەلسەپە تەتقىقاتى ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. شۇ چاغدىكى سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئەنگلىيىنىڭ فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ كاتىپى ۋە ۋەكالىتەن ئىش بېجىرگۈچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1767-يىلى مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرلىكىگە ئۆستۈرۈلگەن. 1769-يىلى ئىستېپا بەرگەن. پەلسەپە جەھەتتە، بېركلىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، بىلىم — تەجرىبىدىن كېلىدۇ، تەجرىبە ئىككى خىل سەزگۈ (تەسىرات ۋە ئىدىيە) دىن تەركىب تاپىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. قانداق قىلغاندا سەزگۈگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ، سەزگۈنىڭ سىرتىدا ئوبيېكتىپ شەيئى مەۋجۇتمۇ-يوق دېگەن مەسىلىگە كەلگەندە ئۇ، كىشىلەر بۇنى بىلەلمەيدۇ، ئوبيېكتى شەيئى «تەسىرات» تىن، مەن پەقەت «سەزگۈ»دىن ئىبارەت دەپ قاراپ، بۇنداق قاراشنىڭ ئۆزى شۈبھىچىلىك دەپ ئاتىغان. پەلسەپە تارىخىدا بولسا، ئۇنى «بىلگىلى بولماسلىق» نەزەرىيىسى دەپ ئاتىغان؛ يەنە سەۋەبىيەت مۇناسىۋىتى ئوبيېكتىپ مۇقەررەرلىككە ئىگە ئەمەس، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ، دەپ ھېسابلىغان، ئۇنىڭ پەلسەپىسى كانتنىڭ بىلگىلى بولماسلىق نەزەرىيىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنداقلا كۆنتىنىڭ دەلىلچىلىك پەلسەپىسى مەنتىقىي پۇزىتۋىزم نەزەرىيىسىنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تارىخشۇناسلىق جەھەتتە، ئالتە توملۇق «ئەنگلىيە تارىخى» دېگەن ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى جامېس Ⅰ دىن 1688-يىلىدىكى «شانلىق ئىنقىلاب»قىچە بولغان تارىخىي ۋەقەلەرنى تورى پارتىيىسى مەيدانىدا تۇرۇپ شەرھلىگەن (كېيىن خويگ پارتىيىسىگە مايىل بولغان). ئىقتىساد توغرىسىدىكى ماقالىلىرىدە شۇ چاغدا كۈنسايىن گۈللىنىۋاتقان سودا-سانائەتنى مەدھىيىلەپ، ئۆسۈم نورمىسى ۋە ۋاسىتىلىك باجنى كېمەيتىشكە ھەمدە «ئەمگەك باھاسى»نى ئۆستۈرۈشكە قارشى تۇرغان. «ئىنسان تەبىئىتى توغرىسىدا»، «ئىنسانلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى توغرىسىدا تەتقىقات»، «ئەخلاق پرىنسىپلىرى توغرىسىدا تەتقىقات»، «دىننىڭ تەبىئىي تارىخى»قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.(2) ئېلون ئوكتاۋىئان يۇم(Allan cotavin Hume، 1829 — 1912) ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. ئەنگلىيىلىك. ياش ۋاقتىدا ھىندىستان ئىنستىتۇتى ۋە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1849-يىلى بومبايدا ھىندىستان مەمۇرىي ئەمەلدارى بولغان، كېيىن ئىتاۋا (Etawah) رايونىنىڭ تەپتىش خادىمى ۋە ھىندىستان غەربىي-شىمال چېگرا ئۆلكىلىرى مالىيە ئەمەلدارى بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار بولغان كۆپلىگەن مەخپىي ماتېرىياللار ۋە دوكلاتلارنى يىغقان ۋە مۇھاكىمە قىلغان. 1882-يىلى پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، سىملادا ئولتۇراقلىشىپ، ھىندىستاننىڭ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇددىئاسى بويىچە، ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنى قۇرۇش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. خەلق كونگرېسى پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇزاققىچە بۇ پارتىيىنىڭ باش كاتىپى بولغان (1885 — 1908) ھەمدە 23-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىندا «ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ پېشۋاسى» دېگەن نامغا ئىگە بولغان. 1894-يىلى ھىندىستاندىن ئايرىلغان، لېكىن يەنىلا خەلق كونگرېسى پارتىيىسى بىلەن ئالاقىسىنى ساقلاپ قالغان.

يۇنان ئەپسانىلىرى

  • يۇنان ئەپسانىلىرى[يەشمىسى:] قەدىمكى زامان يۇناندىكى خۇدالار ۋە قەھرىمانلار توغرىسىدىكى رىۋايەت بىلەن ھېكايىلەر. قەدىمكى زاماندا يۇنانلىقلار پولىتېئىزم (كۆپ خۇدالىق دىن)غا ئېتىقاد قىلاتتى.ئۇلار تەسەۋۋۇردىكى خۇدا زېۋىس ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى خۇدا ۋە مەبۇدىلەرنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىرماش-چىرماش مۇرەككەپ، مول، كۆپ خىل ئەپسانىلەرنى توقۇپ چىققان. ھېسىئود(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ — Ⅷ ئەسىرلەر ئەتراپىدا ئۆتكەن)نىڭ «مەبۇدىلەر شەجەرىسى خاتىرىسى»دە ئېيتىلىشىچە يۇنانلىقلار: ئالەم دەسلەپ بىر پارچە تۈتەك (خائوس) ھالەتتە بولغانمىش، يەر ئانا گىياھ (Gaea)، ئاسمان خۇداسى ئۇرانۇس (Uranus)نى تۇغقانمىش، ئۇلاردىن خۇدالار جەمەتى — تىتانلار(Titanes) تۇغۇلغانمىش، بۇ خۇدالار جەمئىي 12 (ئالتە قىز، ئالتە ئوغۇل)بولۇپ، بۇلار ئارىسىدىكى كرونۇس (Cronus) بىلەن رېيە(Rhea) زېۋىس (Zeus)نى تۇغقانمىش. زېۋىس ۋە ئۇنىڭ ئايالى ھېرا(Hera)بىر توپ ئوغۇل-قىز خۇدالارنى باشلاپ بېرىپ ئولىمپۇس (Olympus) تېغى (شىمالىي گرېتسىيىدە)دا تۇرغانمىش. ئەپسانىلەردە دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان خۇدالار ئۇرۇش خۇداسى ئارېس، ئوت خۇداسى گېفېست، قۇياش خۇداسى ئاپوللون، ئىشق-مۇھەببەت خۇداسى ئافرودىت، دانالىق خۇداسى ئافىنا، دېڭىز خۇداسى پوسېيدون، دېھقانچىلىق مەبۇدىسى دېمېتېر (زېۋىسنىڭ ئايالى)، سودا-سېتىق خۇداسى ھېرمېس، ئاي مەبۇدىسى ئارتېمىس، ئوچاق خۇداسى ھېستىيا (زېۋىس بىلەن ھېرا قوشۇلۇپ 12 تەڭرى بولغان)لاردىن ئىبارەت. يۇنانلىقلار بۇ خۇدالارنى ئاقسۆڭەكلەرچە باياشات تۇرمۇش كەچۈرىدۇ دەپ قىياس قىلغان ھەمدە كىشىلەرگە ئوخشاش ئوبراز ۋە مىجەز-خۇلققا ئىگە يەنى «ئانتىروپومورفىزملىق» (تەڭرى بىلەن ئىنسانلار قىياپەت، مىجەز جەھەتتە ئوخشاش بولۇش) خاراكتېرىگە ئىگە دەپ قارىغان. يۇنان ئەپسانىلىرىدە قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ تەبىئەت ۋە كىشىلىك جەمئىيىتىگە بولغان خىلمۇخىل خىرە، خىيالى تونۇشى ئەكس ئەتكەن؛ بۇلار مەزمۇنغا باي، كۆپ خىل بولغان قەدىمكى يۇنان ئەدەبىيات-سەنئىتىنى مول سۇژىت بىلەن تەمىنلىگەن ھەمدە قەدىمكى رىم ۋە كېيىنكى دەۋردىكى غەرب ئەدەبىيات-سەنئەت تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. قەدىمكى رىملىقلار ئېتىقاد قىلغان خۇدالار ئاساسەن يۇنان خۇدالىرىنىڭ ئەينەن قوبۇل قىلىنىشى ياكى كۆچۈرۈلمىسى بولۇپ، ئۇلارغا پەقەت لاتىنچە ئات قويۇلغان خالاس.

يۇنان بۈيۈك كولونىيىسى

  • يۇنان بۈيۈك كولونىيىسى[يەشمىسى:] قەدىمكى يۇناننىڭ سىرتقا قارىتا زور كۆلەمدە ئاھالە كۆچۈرۈش ھەرىكىتى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ — Ⅷ ئەسىرلەردە، گرېتسىيىدىكى ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى داۋامىدا، كۈنسېرى كۆپىيىپ بېرىۋاتقان يۇنان ئاھالىسى داۋاملىق تۈردە سىرتقا يۆتكىلىپ تۇرغان. سودىگەرلەر چەتكە بېرىپ سودا قىلغان، ۋەيران بولغۇچىلار تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن كەتكەن، سىياسىي كۈرەشلەردە ئىخلاسىنى يوقاتقۇچىلار يېڭى پۇرسەت تېپىش ئۈچۈن كەينى-كەينىدىن سىرتقا بېرىپ، چەت ئەللەردە بەزى كولونىيىلەرنى (كۆچمەن پونكىتلىرى) ئېگىلىۋېلىشقا باشلىغان. يۇنان ئىجتىمائىي ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كولونىيىلەرنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، غەربىي ھازىرقى ئىتالىيە، فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە(شەرقىي دېڭىز بويلىرى)دىن تارتىپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىرغاقلىرى (مىسىر، نوبىيە)غىچە، شەرقىي ۋە شەرقىي شىمالى — كىچىك ئاسىيا، ھېللېسپونت، قارا دېڭىز ئەتراپىغىچە كېڭەيگەن. مەسىلەن: مىگارلىقلار بوسپور دېڭىز بوغۇزى بويىدا قۇرغان ۋىزانتىيە، ئافىنالىقلار جەنۇبىي ئىتالىيىدە قۇرغان تورىي، سپارتالىقلار جەنۇبىي ئىتالىيىدە قۇرغان تارېنتۇم، كورنىتوسلىقلار سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدا قۇرغان سىراكۇزا، مىلېتوسلىقلار قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا قۇرغان سېنوپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەينى زاماندا مەشھۇر كولونىيە شەھەرلىرى ئىدى. نۇرغۇنلىغان يېڭىدىن گۈللەنگەن «بالا شەھەر دۆلەتلىرى» يەنە ئۆز نۆۋىتىدە سىرتقا قاراپ كولونىيە ئېلىپ بارغان، تەرەققىيات كۆلىمى ئەسلىدىكى «ئانا شەھەر دۆلەت»دىن ئېشىپ كەتكەن. يۇنان كولونىستلىرى ئوتتۇرا دېڭىزدا فىنىكىيىلىقلار بىلەن تەسىر كۈچى دائىرىسىنى تالىشىشتىكى قۇدرەتلىك رەقىبكە ئايلانغان. يېڭىدىن قۇرۇلغان «بالا شەھەر دۆلەتلىرى» كولونىست «ئانا شەھەر دۆلەتلىرى» بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن قويۇق مۇناسىۋەت قىلىپ كەلگەن، بىراق سىياسىي جەھەتتىن ئومۇمەن ئالغاندا مۇستەقىل، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇپ كەلگەن. كولونىيە (ئاھالە كۆچۈرۈش) ھەرىكىتى گرېتسىيە بىلەن باشقا ھەرقايسى جايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن.

يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى

  • يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] قەدىمكى گرېتسىيە شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ پېرسىيە تاجاۋۇزىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، پېرسىيە ئىمپېرىيىسى شەرقتە ھىندى دەرياسىدىن تارتىپ غەربتە كىچىك ئاسىيا قىرغاقلىرى (گرېتسىيىنىڭ بەزى شەھەر دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا)غىچە بولغان كەڭ رايوننى ئىگىلىگەن. مىلادىدىن 500 يىل ئىلگىرى كىچىك ئاسىيادىكى گرېتسىيە شەھىرى مىلېتوستا بولغان پېرسىيىگە قارشى قوزغىلاڭ ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. پېرسىيە ئارمىيىسى ئۈچ قېتىم گرېتسىيىگە باستۇرۇپ كىرگەن:(1) مىلادىدىن 492 يىل ئىلگىرى، پېرسىيە پادىشاھى دارا (داراسىياۋوش)Ⅰ، ماردونىيىنىڭ قوماندانلىقىدا قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنى ئەۋەتىپ گرېتسىيىگە ھەربىي يۈرۈش قىلغان. قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى سراكىيە چېگرىسى ئىچىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان، دېڭىز ئارمىيىسى ئافون دېڭىز تۇمشۇقىدا بورانغا ئۇچراپ، زور تۈركۈم ئۇرۇش كېمىلىرى بىلەن ئەسكەرلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ، يۈرۈش ھېچبىر نەتىجىسىز ئاياغلاشقان. (2) مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى دارا يەنە بىر قېتىم داتىس قوماندانلىقىدا تەخمىنەن 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن، 600 ئۇرۇش كېمىسىنى ئەۋەتىپ، ئېگېي دېڭىزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن؛ ئۇلار ئاۋۋال ئىئوبىيە ئارىلىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئىرىتىرىيىنى ئىشغال قىلىپ، ئاندىن كېيىن ئافىنانىڭ شەرقىي-شىمالى قىسمىدىكى مارافون دېگەن جايدىن قۇرۇقلۇققا چىققان. ئافىنا پىيادە ئەسكەرلىرى بىلەن پلاتېنىڭ ياردەمگە ئەۋەتكەن 11 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىسى، ئافىنا سەردارى مىلتىئادنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا پېرسىيە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان، پېرسىيە چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. مارافون جېڭى يۇنانلىقلارنىڭ غەلىبە قىلىش ئىشەنچسىنى ئاشۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن گرېتسىيىدىكى 30دىن كۆپرەك شەھەر دۆلەتلىرى كورنىتوس شەھىرىدە يىغىن چاقىرىپ، سپارتا باشچىلىقىدا پېرسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن. ئافىنالىقلارمۇ تېمېستوكلنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىققان.(3) مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى دارانىڭ ۋارىسى كېركېس Ⅰ تەخمىنەن 500 مىڭ كىشىلىك قوشۇن، 1000 ئۇرۇش كېمىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، ئاساسەن بىرىنچى قېتىملىق ھەربىي يۈرۈش قىلىش يولىنى بويلاپ گرېتسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. قۇرۇقلۇقتا فىرموپىل ئۆتكىلىنى تارتىۋالغان، سپارتا پادىشاھى لېئونىد بىلەن 300 نەپەر ئەزىمەت شۇ يەردە قۇربان بولغان؛ پېرسىيە ئارمىيىسى ئوتتۇرا گرېتسىيىگە بېسىپ كىرىپ، ئافىنا شەھىرىنى (ئافىنالىقلار قېرى، ئاجىز، ئايال-بالىلارنى پېلوپوننېس ئارىلىغا كۆچۈرۈپ كەتكەن) بېسىۋېلىپ ئۇنى ۋەيران قىلغان. پېرسىيە فلوتى سۇنېي دېڭىز تۇمشۇقىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ سالامېن قولتۇقىغا كىرىپ، ئافىنا دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن تۇتۇشقان. ئىككى تەرەپ قاتتىق ئېلىشىپ، پېرسىيە ئارمىيىسى تەلتۆكۈس مەغلۇپ بولغان. كېرېسⅠ قالدۇق دېڭىز ئارمىيىسىنى باشلاپ بەدەر قاچقان. ئىككىنچى يىلى پېرسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئوتتۇرا گرېتسىيىدىكى بلادىپوستا مەغلۇپ بولغان.پېرسىيە تاجاۋۇزچىلىرى گرېتسىيە يېرىم ئارىلىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، يۇنانمۇ مۇداپىئەلىنىشتىن ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتكەن. مىلادىدىن 478 يىل ئىلگىرى، ئافىنا دېڭىز ئىتتىپاقى (دېلوس ئىتتىپاقى) قۇرۇلۇپ، گرېتسىيە كۈنسېرى كۈچەيگەن، پېرسىيە ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىدىن مەھرۇم بولۇشقا قاراپ ماڭغان. مىلادىدىن 449 يىل ئىلگىرى، يۇنانلىقلار سىپروس ئارىلىنىڭ سالامېن شەھىرى ئەتراپىدا پېرسىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇ يىلى ئىككى تەرەپ «كالىئاس سۈلھ شەرتنامىسى» ئىمزالاپ پارسلار ئېگېي دېڭىزى ۋە ھېلىسپونتقا بولغان تىزگىنلەش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش، كىچىك ئاسىيادىكى گرېتسىيە شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشنى بەلگىلىگەن. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنى خېلىلا ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتقان. يۇنانلىقلار دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغداپ قالغان. گرېتسىيە شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.

يۇنان تارىخى

  • يۇنان تارىخى[يەشمىسى:] ئەسەر نامى. ئىنگلىز تارىخشۇناسى گروتنىڭ ئەسىرى. ئاپتور بۇ ئەسەرنى كەڭ دائىرىلىك ماتېرىيال توپلاپ، 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت پىكىر قىلىش ئارقىلىق 1843-يىلدىن باشلاپ يېزىشقا كىرىشكەن. 1846 — 1856-يىللىرى ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قىلىنىپ، جەمئىي 12 توم بولۇپ چىققان. بۇ ئەسەردە قەدىمكى يۇنان رىۋايەت دەۋرىدىن باشلاپ ماكىدونىيىلىك ئالېكساندر دەۋرىگىچە بولغان قەدىمكى يۇنان تارىخىنى ئەتراپلىق بايان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە پېرىكىل دەۋرىدىكى ئافىنا دېموكراتىك سىياسىي بايان قىلىنغان 46 بابى ئەڭ ئېسىل يېزىلغان. ئاپتورنىڭ ۋىگلار پارتىيىسىنىڭ نۇقتىئىنەزەرى بويىچە تارىخ يېزىپ، قەدىمكىنى بۈگۈنكىگە ئوخشىتىش بىلەن بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىشى ئەينى زاماندا ناھايىتى زور رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. ئاپتور ئالدىنقىلارنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن خاتىرىلىرىگە تەنقىدىي پوزىتسىيە تۇتقان،ئەپسانە-رىۋايەت بىلەن ھەقىقىي تارىخنى پەرقلەندۈرگەن. بۇ ئەسەر موممىسېن يازغان «رىم تارىخى» بىلەن بىرگە كلاسسىك تارىخىي تەتقىقات ئەسەرلىرى ئىچىدىكى «قوش نامايەندە» دېيىلىدۇ.ماركس، ئېنگېلس ئۇنىڭدىكى ماتېرىياللارنى نەقىل كەلتۈرۈپ، قەدىمكى يۇنان تارىخىنى يېڭىچە ئىزاھلاپ بەرگەنىدى.

يۇنان-رىملىق مەشھۇر زاتلار تەرجىمىھالى

  • يۇنان-رىملىق مەشھۇر زاتلار تەرجىمىھالى[يەشمىسى:] كىتاب نامى. قەدىمكى يۇنان تەرجىمىھال يازغۇچىسى پلوتاركوس ئۆمرىنىڭ كېيىنكى يىللىرى يازغان تەرجىمىھاللار توپلىمى. ئەسلى نامى «كىرىشتۈرمە تەرجىمىھال» بولۇپ، يۇنان-رىملىق مەشھۇر زاتلارنىڭ 50 پارچە تەرجىمىھالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە 46 پارچىسى ئىسمى جىسمىغا لايىق كىرىشتۈرمە تەرجىمىھال بولۇپ، تۈرى بويىچە جەمئىي 23 يۈرۈش قىلىپ يېزىلغان. يەنى يۇنانلىق بىر مەشھۇر زاتنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن رىملىق يەنە بىر مەشھۇر زاتنىڭ تەرجىمىھالى بىرگە بېرىلىپ، ئاخىرىدا باھا بەرگەن. قالغان تۆت پارچىسى يەككىلەر تەرجىمىھالى قىلىپ يېزىلغان. ھەربىر تەرجىمىھالى ئومۇمەن يۇنان يىلنامە تەرتىپى بويىچە تىزىلغان. ئاپتورنىڭ بۇ تەرجىمىھالىنى يېزىپ چىقىشىدىكى مەقسىتى كونكرېتنى شەخسلەرنىڭ ھاياتىدىكى ئىش ئىزلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېتىكا ئىدىيىسىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت. ئەسەردە گەرچە مىش-مىش گەپلەر ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنى قەدىمكى زامان يۇنان ۋە رىم تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم يازما ھۈججەت دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەسەرنىڭ سۆز-ئىبارىلىرى ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، قىستۇرما شەكىلدە بايان قىلىنغان، جانلىق ھەم نەپىس.ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىن تاكى فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغىچە بولغان مەزگىلدە، غەربىي ياۋروپادا بىر مەزگىل دەۋران سۈرگەن بولۇپ تاكى ھازىرغىچە ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ كەلمەكتە. كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىدە بۇنى خام ماتېرىيال قىلىپ كەلگەن.

يۇنان كالېندارى

  • يۇنان كالېندارى[يەشمىسى:] قەدىمكى يۇنانلىقلار ئىشلەتكەن كالېندار. قەدىمكى گرېتسىيە شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ كالېندارى بىر-بىرىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمىگەن. ئومۇمەن، يۇنانلىقلار ئاينىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئايلارنى (قەمەرىيە ئېيى) ھېسابلاپ چىققان. بىر يىل 12 ئاي، چوڭ ئاي 30 كۈن، كىچىك ئاي 29 كۈن قىلىنىپ جەمئىي 354 كۈن ياكى 355 كۈن دەپ ھېسابلىغان، بۇ، قۇياش يىلى (شەمسىيە)دىن ئەمەلىي كۈن پەرقى 10 كۈن ياكى 11كۈن كەم بولۇپ چىققان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە كەبىسە ئاي قويۇلۇپ پات-پات تەڭشەپ تۇرۇلغان. بەلكىم ئۇلار سەككىز يىل ئىچىدە، ئۈچ كەبىسە ئاي (كەبىسە يىلىنى 13 ئاي ھېسابلىغان) قويغان بولسا كېرەك. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردە (مىلادىدىن تەخمىنەن 432 يىل ئىلگىرى) ئافىنالىق ئاسترونوم مېتون(Meton)خالىدلىقلار (مېسوپوتامىيىدە) كالېنداردىن پايدىلىنىپ «19 يىلدا يەتتە كەبىسە قوشۇش ئۇسۇلى»يەنى 19 يىل ئىچىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3-، 5-، 8-، 11-،13-، 16-ۋە 19-يىللىرىغا كەبىسە ئاي قوشۇپ ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداق قىلىپ ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 19/5 365 كۈن قىلىنىپ، قۇياش يىلى (شەمسىيە) كۈن سانى بىلەن خېلىلا يېقىنلاشقان. بىراق ئافىنا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇنى رەسمىي قوللانغان ۋاقتى 100 يىل كېيىنكى ئىش ئىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى تەخمىنەن Ⅰ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، «مېتون كالېندارى» ئورنىغا رىمنىڭ «يۇلېي كالېندارى» (كائېسار كالېندارى) ئورنىتىلغان.

يۇنانلىشىش دەۋرى

  • يۇنانلىشىش دەۋرى[يەشمىسى:]Hellenismus ياكى Hellenism) ئېللېنزم ياكى يۇنانلىشىش دەۋرى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. تارىخشۇناسلىق ئىلمىدە ئومۇمەن مىلادىدىن 334 يىل ئىلگىرى، ماكىدونىيىلىك ئالېكساندرنىڭ شەرققە يۈرۈشىدىن باشلىنىپ، مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرى، رىمنىڭ پتولېمېي پادىشاھلىقىنى (مىسىردىكى) يوقاتقىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخىي دەۋرىنى كۆرسىتىدۇ. بەزىدە مىلادىدىن 323 يىل ئىلگىرىكى ئالېكساندرنىڭ ئۆلۈمىدىن باشلاپ ھېسابلايدۇ. «ئېللېنزم» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس درويىسېن ئۆزىنىڭ «ئېللېنزم تارىخى» ناملىق كىتابىدا ئاۋۋال ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالېكساندر شەرققە يۈرۈش قىلغاندىن كېيىنكى قەدىمكى يۇنان دۇنياسى مەدەنىيىتىنىڭ شەرققە كەڭ دائىرىدە تارقىتىلىشى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى تەكىتلەنگەن. كىتابتا قەدىمكى يۇناننىڭ تارىخىي رولىنى ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغە قىلىپ كۆرسىتىش مەنىسى ئىپادىلەنگەن. ئالېكساندر ئۆلگەندىن كېيىن، ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشى مىلادىدىن 301 يىل ئىلگىرىكى ئىپىس جېڭىغىچە داۋاملاشقان. شۇنىڭ بىلەن يۇنانلاشقان ئۈچ چوڭ پادىشاھلىقنىڭ تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن. بۇلار: (1) ماكىدونىيە پادىشاھلىقى: ماكىدونىيىنى مەركەز قىلغان، گرېتسىيە رايونى ماكىدونىيىگە بېقىنغان، بۇ يەردە ئاساسلىقى ئانتېۇك خاندانلىقى (مىلادىدىن 276 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان) ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئۈچ قېتىملىق «ماكىدونىيە ئۇرۇشى» ئارقىلىق، ئاخىرى مىلادىدىن 168 يىل ئىلگىرى رىم تەرىپىدىن يوقىتىلغان.(2) پتولېمېي پادىشاھلىقى:مىسىرنى مەركەز قىلغان بولۇپ، گۈللەنگەن مەزگىلىدە چەت ئەلدىمۇ بىر قىسىم زېمىنغا ئىگە بولغان. پتولېمېي خاندانلىقى (مىلادىدىن 305 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان)نىڭ پايتەختى ئالېكساندرىيە (ئىسكەندەرىيە) بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى مۇھىم شەھەر ئىدى. ئۇ مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرى رىم تەرىپىدىن يوقىتىلغان. (3) سېلېئۇسىيە پادىشاھلىقى: سېلېئۇس خاندانلىقى مىلادىدىن (312 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان) ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولۇپ، دەسلەپ ئىككى دەريا ۋادىسىنى مەركەز قىلغان، زېمىنى ئەڭ كېڭەيگەن چاغدا شەرقى ھىندى دەرياسى، غەربى كىچىك ئاسىياغىچە يېتىپ بارغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە پېرگام (كىچىك ئاسىيادا)، ئارساك (باكتېرىيە)، پارفىيە ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇستەقىل بولغان. كېيىن بۇ پادىشاھلىقنىڭ سىياسىي مەركىزى سۈرىيىگە يۆتكەلگەن. شۇڭا «سۈرىيە پادىشاھلىقى» (جۇڭگو تارىخنامىلىرىدە چالجىيە دەپ ئاتالغان) دەپ ئاتالغان. بۇ مىلادىدىن 64 يىل ئىلگىرى رىم تەرىپىدىن يوقىتىلغان. بۇ دەۋردىكى مەدەنىيەت ئالدىنقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، بولۇپمۇ ماتېماتىكا، فىزىكا، ئاسترونومىيە قاتارلىق پەنلەردىكى زور تۆھپىلىرىنى قوبۇل قىلغان. بۇنىڭ ۋەكىللىرى ئېئوكلىد، ئارخىمېد، ئارستارخوس قاتارلىق كىشىلەر. ئالېكساندرىيە مۇزېي (ئۇنىڭدىكى كۇتۇپخانىسى) ئەينى زاماندا خەلقئارا بىلىم يۇرتى بولۇش بىلەن داڭقى چىققان. يۇنانلىشىش دەۋرى — شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي، سىياسىي تۈزۈمى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يۇنانلىق يەتتە دانىشمەن

  • يۇنانلىق يەتتە دانىشمەن[يەشمىسى:] ئەنئەنىۋى قاراش بويىچە، قەدىمكى گرېتسىيىدە ئەڭ ئەقىل-پاراسەتلىك يەتتە كىشى بولۇپ، بۇلار «يەتتە دانىشمەن» دەپ ئاتالغان. بۇلار ئادەتتە: مىلېتوسلىق (كىچىك ئاسىيادا)تالىس (Thales)؛ ئافىنالىق سولون (Solon)؛ سپارتالىق كىلون (Chiolon)؛كورنىتوسلىق پېرىئاندېر(Periander)؛ ميتىلېنالىق(Mytilene، ئېگېي دېڭىزدىكى لېسبوس ئارىلىدا) پىتاكۇس (Pittacus)؛ لىنتوسلىق (رودوس ئارىلىدا) كىلېئوبۇلۇس (Cleobulus)؛ پلېنىلىق (كىچىك ئاسىيانىڭ ئىئونىيە رايونىدا) بىئاس (Bias)لاردىن ئىبارەت.

يۇنان مەدەنىيىتى (قەدىمكى زامان)

  • يۇنان مەدەنىيىتى (قەدىمكى زامان)[يەشمىسى:] قەدىمكى زامان دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. مىلادىدىن 3000 — 2000 يىللار ئىلگىرى ئېگېي مەدەنىيىتى — دەسلەپكى مەزگىلدىكى يۇنان مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ بولۇپ، يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ باشلانمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ — Ⅺ ئەسىرلەردىكى گومېر دەۋرىدە «گومېر داستانى» (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە تۈزۈلگەن) بارلىققا كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن شەھەر دۆلەتلىرى قۇرۇلغان، قۇللۇق تۈزۈم ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە شەھەر دۆلەتلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ دېموكراتىيىلىشىشى (مەسىلەن: ئافىنادا)، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. گرېتسىيىدىكى پولتېئىزم (كۆپ خۇدالىق دىنى) ۋە تەڭرىلەرگە بېغىشلاپ توقۇلغان باي ۋە كۆپ خىل ئەپسانىلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىنى مول ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن. ئەدەبىيات جەھەتتە، دەسلەپ ھېسئودنىڭ «تېرىقچىلىق ۋە ۋاقىت»، «خۇدالار شەجەرىسى» ناملىق ئەسىرى بارلىققا كەلگەن؛ ئۇنىڭدىن كېيىن شائىرە ساپفو بىلەن پىندارنىڭ لىرىكىلىق داستانلىرى بارلىققا كەلگەن، بۇ، مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلغا تەڭكەش قىلغىلى بولىدىغان بىر خىل غەزەلدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن كېيىن تىياتىر بارلىققا كەلگەن. تراگېدىيە يازغۇچىلىرىدىن ئەئىسكولوس، سوفوكلېس ۋە ئېۋرىپىدېس («ئۈچ چوڭ تراگېدىيە يازغۇچىلىرى») بارلىققا كەلگەن؛ كومېدىيە يازغۇچىلىرىدىن ئارىستوپان قاتارلىقلار ئۆتكەن. تىياتىر سەھنىلىرى ئادەتتە كىچىكرەك دۆڭلۈكلەرگە سېلىنىپ، يېرىم يۇمىلاق شەكىلدە بولغان، ئويۇننى كۆپرەك ھۆكۈمەت تەرەپ باشقۇرۇپ، بىرقانچە تىياتىر نومۇرلىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاپ چىقىپ دەرىجىگە بۆلۈپ شەرەپ مۇكاپاتى تارقىتىپ بەرگەن. نەسرىي شەكىلدىكى تارىخچىلاردىن ھېرودوت، شوسىيىدىدېس، لېنوفون قاتارلىقلارنىڭ داڭقى چىققان. سەنئەت جەھەتتە بىناكارچىلىق، ھەيكەلتىراشلىق (تەسۋىرىي سەنئەت) ئۇتۇقلىرىمۇ ئەڭ زور بولغان. بىناكارچىلىقتا تۈۋرۈكلۈك كارىدور شەكلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان بولۇپ، ئۈچ خىل تۈۋرۈك شەكلى، يەنى دورىيان، ئېئونىيە ۋە كورىنتوس شەكلى بارلىققا كەلگەن. پارفېنون (ئافىنا) ئىبادەتخانىسىنى لايىھىلىگۈچى ۋە ھەيكەلتىراش فىدىئاس بىلەن مرون، پولىكلېت قاتارلىق ئۇستىكارلار كاتتا شۆھرەت قازانغان. ئىلىم-پەن، پەلسەپە جەھەتتە، دەسلەپتە پەلسەپە بىلەن ئىلىم-پەن ئېنىق ئاجرالمىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان پەيلاسوپلارنىڭ ئۆزى ئۆز نۆۋىتىدە ئىلىم-پەن ئالىملىرى ئىدى. پەلسەپىنىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن-ئاياغ ماتېرىيالىزم بىلەن ئىدېئالىزم، دىئالېكتىكا بىلەن مېتافىزىكا ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش سىڭدۈرۈلگەن. مەسىلەن: ھېراكلېت بىلەن ئېلېئا ئېقىمى، دېموكرىت بىلەن ئەپلاتونلارنىڭ دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيە جەھەتتىكى قارىمۇقارشىلىقى بۇنىڭ ئىنكاسى ئىدى. پىفاگوراس ئېقىمى ئاساسىي كۈچىنى ماتېماتىكا تەتقىقاتىغا قاراتقان. ئارىستوتېل ئالدىنقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يەكۈنلەپ، پەلسەپە، لوگىكا، بىئولوگىيە ۋە باشقا پەن ساھەسىدە مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئېللېنىزم (يۇنانلىشىش) دەۋرىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىنⅠ ئەسىرگىچە) ئىلىم-پەن پەلسەپىدىن تەدرىجىي ئاجرىلىپ چىقىپ،تۈر-تارماقلارغا بۆلۈنۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش بولغان. بولۇپمۇ ماتېماتىكا، فىزىكا، ئاسترونومىيە قاتارلىق پەنلەردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلگەن. بۇ ساھەدە ئېئوكلىد، ئارخىمېد، ئارىستارخۇس قاتارلىقلار ۋەكىللىك قىلالايدۇ. بۇ مەزگىلدىكى پەلسەپىنىڭ تەتقىقات تېمىسىدا جەمئىيەت ۋە ئېتىكا كۆزقارىشى مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىلگەن. بىراق ئومۇمەن ئالغاندا پۈتكۈل مەدەنىيەتمۇ شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ زاۋالغا يۈزلىنىشى بىلەن ئاجىزلىشىپ بارغان. قەدىمكى يۇنان مەدەنىيىتى نۇرغۇن جەھەتتە قەدىمكى رىم دۇنياسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ياۋروپا مەدەنىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.

يۇنكېر

  • يۇنكېر[يەشمىسى:] نېمىسچە Junker نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. «Jungherr» دېگەن سۆزدىن كەلگەن، مەنىسى پومېشچىكنىڭ ئوغلى، كىچىك خوجايىن ياكى ياش ئاقسۆڭەك دېگەن سۆز بولۇپ، پېرۇسسىيە ئاقسۆڭەكلىرىنى ۋە چوڭ پومېشچىكلار سىنىپىنى كۆرسىتىدۇ.ئۇلارⅩⅥ ئەسىردىكى شەرقىي پېرۇسسىيىنىڭ ئاقسۆڭەك رىتسارلار تەبىقىسىدىن كەلگەن. ئارمىيە ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنى ئۇزاق ۋاقىت مونوپول قىلىۋېلىپ، نۇرغۇن يەر ۋە جاڭزىلارغا ئىگە بولۇۋېلىپ، فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيىنى يولغا قويغان. تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە.Ⅹ Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېرىم فېئودال شەكلىدىكى ئاقسۆڭەك پومېشچىكلارغا ئايلانغان. پېرۇسسىيە ۋە گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىدىكى ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ تۈۋرۈكى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بىر سىنىپ سۈپىتىدە، ئاساسەن يوقىتىلغان.

يۇنگ

  • يۇنگ[يەشمىسى:]Dwen D.young، 1874 — 1962) ئامېرىكىلىق ئادۋوكات ۋە كارخانىچى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نيۇ-يورك سان-لاۋرېنسى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بوستون ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتلىرىنى تۈگەتكەن. ئادۋوكاتلىق قىلغان، كېيىن سانائەت مەسىلىسى بىلەن جامائەت ئىشلىرىغا كىرىشىپ، زۇڭتۇڭ تەرىپىدىن چاقىرىلغان سانائەت-ئىقتىسادىي مەسىلىسى يىغىنلىرىغا كۆپ قېتىم قاتناشقان. 1924-يىلى ياۋروپاغا كېلىپ، «داۋېس پىلانى»نى تۈزۈپ چىقىشقا ياردەملەشكەن ھەمدە تۆلەم ئىشلىرى ۋاقىتلىق كومىسسىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1929-يىلى «يۇنگ پىلانى»نى ئوتتۇرىغا قويغان.1925 — 1928-يىللىرى خەلقئارا سودا جەمئىيىتى ئامېرىكا گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى بولغان. ئىلگىرى -كېيىن تۆت ئالىي مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ياكى باشقارما باشلىقى بولغان، گېنېرال ئېلېكتر شىركىتى ۋە ئامېرىكا رادىئو شىركىتىنىڭ باشقارما باشلىقى، قوشما شتات ئېھتىيات بانكىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن. 1922 — 1930-يىللىرى ئارىلىقىدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 15 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پەخرىي دوكتورى بولغان.

يۇنگ پىلانى

  • يۇنگ پىلانى[يەشمىسى:] بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن غالىب بولغان دۆلەتلەرنىڭ گېرمانىيىدىن تۆلەم ئېلىشنى بەلگىلەش پىلانى. 1929-يىلنىڭ باشلىرىدا، گېرمانىيە مالىيەسىنىڭ گۇمران بولغانلىقىنى باھانە قىلىپ، «داۋېس پىلانى»نى ئىجرا قىلىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى جاكارلىغان. 2-ئايدا ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ گېرمانىيىدىن تۆلەم ئېلىش كومىسسىيىسىنىڭ پارىژ يىغىنىدا، يىغىن رەئىسى، ئامېرىكا ۋەكىلى يۇنگ «داۋېس پىلانى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرىنى قويۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا گېرمانىيىنىڭ تۆلەم پۇل تۆلەش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى بېكىتكەن، بۇ تارىختا «يۇنگ پىلانى» دېيىلگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: گېرمانىيە تۆلەيدىغان تۆلەم پۇلنىڭ ئومۇمىي سانى قىسقارتىلىپ 113 مىليارد 905 مىليون 30 مىڭ مارك قىلىنىپ، بۇنى 58 يىل يەتتە ئاي مۇددەت ئىچىدە تۆلەپ بولۇش؛ ئاۋۋال دەسلەپكى 36 يىل يەتتە ئاي ئىچىدە يىلىغا ئوتتۇرىچە 2 مىليارد 50 مىليون مارك تۆلەش، كېيىنكى 22 يىل ئىچىدە، يىلىغا 1 مىليارد 607 مىليون ماركتىن 1 مىليارد 711 مىليون ماركقىچە تۆلەش. يىلىغا تاپشۇرىدىغان ئومۇمىي پۇلنىڭ 3/1 قىسمىنى شەرتسىز تاپشۇرۇش، قالغان قىسمىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ تۆلەش؛ بۇنىڭ يىللىق ئۆسۈمىنى %5.5 قىلىپ بېكىتىش؛ ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، بېلگىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت، كېيىنكى 22 يىل ئىچىدە گېرمانىيە تاپشۇرغان ئۆسۈم پۇل بىلەن خەلقئارا ئېنىقلاش بانكىسى تەسىس قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، بېلگىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەتكە تۆلەيدىغان پۇلنى تۆت دۆلەتنىڭ ئامېرىكىدىن ئالغان ئۇرۇش قەرزلىرىنى قايتۇرۇش ھېسابىغا ۋاقتىدا ئامېرىكىغا تاپشۇرۇش. شۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيىنىڭ ئىگىلىكى تېخىمۇ بەتتەرلەشكەن. 1932-يىلىدىكى غالىب بولغان دۆلەتلەرنىڭ لوزاننا يىغىنى، بۇ پىلان بويىچە گېرمانىيە تۆلىمەكچى بولغان تۆلەم پۇلنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن.

يۇنمىنشەن قوزغىلىڭى

  • يۇنمىنشەن قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] چاۋشيەندىكى كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا دەۋرىدىكى خەلق قوزغىلىڭى. 1193-يىلى (مىڭ زۇڭ 23-يىلى) 7-ئايدا جىن شامى يېتەكچىلىكىدىكى بىر قىسىم خەلق يۇنمىنشەن (چىڭشاڭ بېيداۋ ئۆلكىسى چىڭداۋ ۋىلايىتى)دە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ بىر قىسىم شەھەر، ناھىيىلەرنى ئىشغال قىلىپ ھەربىي ھاكىمىيەت ئەۋەتكەن قوماندان چۈەن سۇنجيېنى كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ قىلغان. ھەربىي ھاكىمىيەت 11-ئايدا، ئالىي سانغۇن سۈيى رېننى باسقاقبەگ قىلىپ، ئوڭ-سولغا بۆلۈنۈپ ھۇجۇم قىلغان. كېيىنكى يىلى 2-ئايدا جىن شامىي دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلگەن. شاۋشىن ۋە باشقا قوزغىلاڭچىلار دۈشمەن بىلەن داۋاملىق جەڭ قىلىپ، جاڭلىڭدا بۆكتۈرمىگە ئۇچراپ مەغلۇپ بولغان. 4-ئايدا يەنە مىچىڭ شەھىرىنىڭ جۇتيەن كەنتىدىكى جەڭدە يېڭىلىپ، 7000 دىن ئارتۇق ئادىمى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغان. 12-ئايدا دېھقانلار قوشۇنى يېڭىلىپ، شاۋشىن قولغا چۈشۈپ، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.

يۇنو

  • يۇنو[يەشمىسى:]Juno) قەدىمكى رىم خۇداسى. يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى مەبۇدە ھېرا (Hera)غا توغرا كېلىدۇ. ئۇ نىكاھ ۋە تۇغۇتنى باشقۇرغانلىقتىن، ئانا-بالىلارنىڭ ھامىيسى دەپ قارىلىدۇ. ئېرى (ھەم بىر تۇغقىنى) يۇپىتېر(يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى زېۋىسقا توغرا كېلىدۇ) بىلەن، ئۇرۇش خۇداسى مارس ۋە ئوت خۇداسى (ھۈنەرۋەنلەر خۇداسى) ۋۇلكانۇس (Vulcanus)نى تۇغقان. ئاي خۇداسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كاپتولى دۆڭلۈكىدە يۇپىتېر بىلەن يۇنوغا نەزىر-چىراق قىلىدىغان ئىبادەتخانا بار؛ مىلادىدىن 390 يىل ئىلگىرى، گاللىيىلىكلەر يېرىم كېچىدە رىمغا تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرگەندە، يۇنوغا نەزىر قىلىنغان غازلار رىم جەڭچىلىرىنى ئويغاتقان («غازنىڭ رىمنى قۇتقۇزۇشى») يۇپىتېر، مىنېرۋا(Minerva) بىلەن بىللە، رىم خۇدالىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

يۇنوكاۋا خىدېكى

  • يۇنوكاۋا خىدېكى[يەشمىسى:]1907— 1981) ياپونىيىلىك فىزىك. توكيودا تۇغۇلغان. ئەسلى فامىلىسى ئۇگاۋا. 1929-يىلى كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئىي پەنلەر بۆلۈمىنىڭ فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن. كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا لىكتورلۇق قىلغان.1939-يىلدىن باشلاپ كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان.1942-يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. 1948-يىلى پرىنسېتون ئالىي تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ چەتتىن قاتناشقۇچى پروفېسسورى بولۇپ ئامېرىكىغا بارغان. ئىككىنچى يىلى ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان.1953- يىلى ياپونىيىگە قايتىپ كېلىپ، كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى ئاساسىي فىزىكا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى بولغان(1970-يىلى خىزمىتىدىن چېكىنگەن).ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئاتوم يادروسى، كۋانت مەيدانى نەزەرىيىسى، ئاساسىي زەررىچىنىڭ ئۆزئارا رولى قاتارلىق جەھەتلەردە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 1935-يىلى يادرو كۈچى — مېزوترون نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1947-يىلى ئالدىم نۇرې تەتقىقاتىدا π مېزوننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. 1949-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1946-يىلى خەلقئارالىق ژۇرنال «نەزەرىيە فىزىكا ئىلمىي تەتقىقاتى» ناملىق ژۇرنالنى تەسىس قىلغان ۋە تەھرىرلەپ نەشىر قىلدۇرغان. ئۇنىڭ «كۋانت مېخانىكىسىغا كىرىش سۆز»،«يۇنوكاۋا خىدېكى تاللانما ئەسەرلىرى» (بەش توملۇق) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

يۇنۇ

  • يۇنۇ[يەشمىسى:] يەنى «جۇنۇ».

يۇنۇس ئەمرە

  • يۇنۇس ئەمرە[يەشمىسى:]Yunus Emre، ؟— 1320)تۈركىيىلىك شائىر. ئاناتولىيىدە تۇغۇلغان. مىستېتىزمچى، ئەسەبىي سوپىزم مۇرىتى. ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە مۇقەددەس مۇھەببەت ۋە ئىنسانلار تەقدىرى ۋەقەلىك قىلىنغان بولۇپ، قويۇق دىنىي تۈس ئالغان. كېيىنكى بەزى مىستېتىك شائىرلارغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.

يونۇش قوراللىرى

  • يونۇش قوراللىرى[يەشمىسى:] تاش قوراللارنىڭ بىر خىلى. تاش بىلەن ئۇرۇپ ياسالغان. ئۇ كېسىش ۋە يونۇش قورالى بولۇپ، كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان. يېڭى ۋە كونا قۇرۇقلۇقتا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان، ئۇنىڭ شەكلى ۋاقىت ۋە ئورۇن سەۋەبلىك ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پەرقى نەقىش ئويۇلغان قوراللىرىنىڭكىدەك ئېنىق ئەمەس. ئۇنىڭ شەكلىنىڭ تۈرلۈك بولۇشىغا قاراپ ئۇزۇن يونۇش قورالى، قىسقا يونۇش قورالى ۋە يۇمىلاق يونۇش قورالى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.

يۇيۇنجىڭ

  • يۇيۇنجىڭ[يەشمىسى:]1848 — 1896) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ۋەزىرى. ئىسمى شېن جى، تەخەللۇسى يىجەي، ئەسلى يۇرتى پخېناندىكى شيەنسوڭ دېگەن جاي بولۇپ، چىئوڭچوڭدودىكى باۋئېن دېگەن جايدا تۇغۇلغان. 1869-يىلى ئىجتىمائىي پەن ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. لياڭشەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى، چوللادونىڭ مەخپىي تەپتىشى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1881-يىلى پياۋدىڭياڭ بىلەن ياپونىيىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە بېرىپ، ۋەتىنىگە قايتىش يولىدا جۇڭگونىڭ تيەنجىن شەھىرىگە كېلىپ لى خۇڭجاڭ بىلەن كۆرۈشكەن. 1882-يىلى جىن يۇنجى بىلەن بىللە تيەنجىنگە كېلىپ «چاۋشيەن-ئامېرىكا شەرتنامىسى»نىڭ ھۈججەت نۇسخىسىنى تۈزۈش ۋە «جۇڭگو-چاۋشيەن سودىگەرلىرىنىڭ سۇ ۋە قۇرۇقلۇق سودا نىزامنامىسى»نى تۈزۈش ئىشلىرىغا قاتناشقان. 1883-يىلى غەربىي شىمال باش تەپتىشى بولغاندا، جۇڭگو بىلەن «جۇڭجياڭ سودا نىزامنامىسى» ۋە «خۇينىڭ سودا نىزامنامىسى»نى ئىمزالىغان، كېيىن يارلىقچى، مەسلىھەتچى دادخاھ قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1893-يىلى دۇڭشۆداڭ پىرقىسى ئۇنىڭ يۇرتى باۋئېندا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، ئىككى خونامنىڭ ھەربىي مەمۇرىي ۋالىيسى بولۇپ، ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ ۋەز ئېيتىپ، قوزغىلاڭچىلارنى تارقىتىۋەتكەن.1894-يىلى ياپونپەرەس جىن خوڭجى ئىچكى كابىنېتنىڭ مالىيە ۋەزىرى بولغان. 1896-يىلى روسىيەپەرەسلەر باش كۆتۈرگەندە، ئامما تەرىپىدىن لوڭرېندا چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

يۇتلاندىيە دېڭىز ئۇرۇشى

  • يۇتلاندىيە دېڭىز ئۇرۇشى[يەشمىسى:] بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە-گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىلىرى يۇتلاندىيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى دېڭىز ئۈستىدە ئېلىپ بارغان شىددەتلىك ئۇرۇش. 1916-يىلى گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابى ئاساسىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر بۆلۈك ئەنگلىيە ھەربىي پاراخوتلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى ئوچۇق دېڭىزدا ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلىشقا قىزىقتۇرغان. ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئولجا ئېلىنغان تېلېگرافتىن گېرمانىيە تەرەپنىڭ غەرىزىنى ئۇقۇپ قېلىپ، ئۆزىنى ئوڭشىۋالغان. 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، ئىككى تەرەپ كەسكىن جەڭ قىلغان، گېرمانىيە فلوتلىرى مەقسىتىگە يېتەلمەي، بازىسىغا قايتىپ، داۋاملىق مۇداپىئەدە تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. دېڭىز ئۇرۇشىدا ئەنگلىيىنىڭ زىيىنى گېرمانىيىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيە فلوتلىرى سان جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى يەنىلا ساقلاپ قېلىۋەرگەن.

يۈەنتيەن شۇرېن (خارادا يوشىتو)

  • يۈەنتيەن شۇرېن (خارادا يوشىتو)[يەشمىسى:]1885 — 1974) ياپونىيىلىك ئارخېئولوگ، توكيولۇق. ياپونىيە بىلىم يۇرتىنىڭ ئەزاسى. توكيو ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ پروفېسسورى. ياپونىيە ئارخېئولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، ياپونىيە مەدەنىيەت-مالىيە مەخسۇس تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ باشلىقى بولغان. دەسلەپكى يىللاردا ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكىدا ئوقۇغان، مەخسۇس ئارخېئولوگىيە ئۆگەنگەن. 1918-يىلى «چاۋشيەن باش ۋالىي مەھكىمىسى قەدىمكى يادىكارلىقلارنى تەكشۈرۈش جەمئىيىتى»نىڭ ئەزاسى بولۇپ، لېلاڭ بەگلىكى خارابىسى ۋە خان قەبرىسى قاتارلىقلارنى ئاچقان. 1925-يىلى خامادا كوساكو قاتارلىقلار بىلەن «شەرقىي ئاسىيا ئارخېئولوگىيە جەمئىيىتى»نى تەشكىل قىلىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئىشىنى ئېلىپ بارغان. 1957-يىلى «تۇنجى ياپونىيە ئارخېئولوگىيە ئۆمىكى»نى باشلاپ جۇڭگوغا كېلىپ دوستانە زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى:«لېلاڭ»،«شەرقىي ئاسىيا قەدىمكى مەدەنىيىتى ئۈستىدىكى تەتقىقات»،«شەرقىي ئاسىيا قەدىمكى مەدەنىيىتى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش»،«شەرقىي ئاسىيا قەدىمكى مەدەنىيىتى ھەققىدە بايان» قاتارلىقلار.

يۈەنجىڭ (كوگېئۇيا)

  • يۈەنجىڭ (كوگېئۇيا)[يەشمىسى:]1856 — 1921) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1918—1921). ئەدلىيە مەھكىمىسىنىڭ قانۇن مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقاندا ئارىلىقتا ئوقۇشتىن چېكىنىپ چىققان. ئەسلى «پوچتا خەۋەرلىرى»نىڭ مۇخبىرى، «دادۇڭ گېزىتى»نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولغان. كېيىن تاشقى ئىشلار ياردەمچى ئەمەلدارى، چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق كونسۇل بولغان. 1897-يىلى ئەمەلدارلىقتىن ئىستېپا بېرىپ، «خوككايدۇ كۈندىلىك خەۋەرلىرى» نەشرىياتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1902-يىلى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.1906-يىلدىن تارتىپ ئۈچ نۆۋەت ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان (1906—1908-، 1911 — 1912-، 1913 — 1914). 1914-يىلى سىياسىي دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، دۆلەت مۇداپىئەسىنى تولۇقلاش، مائارىپنى گۈللەندۈرۈش، سانائەتنى رىغبەتلەندۈرۈش، قاتناشنى تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق پروگراممىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلغان، ئامانلىقنى ساقلاش-ساقچى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرغان، سىبىرىيىگە داۋاملىق ئەسكەر چىقارغان. شۇنداقلا چاۋشيەندىكى 1-مارت ھەرىكىتىنى باستۇرغان. 1921-يىلى توكيو ۋوگزالىدا ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ «كوگېئۇيا كۈندىلىك خاتىرىلىرى» دېگەن ئالتە توملۇق ئەسىرى بار.

يۈەنرىن

  • يۈەنرىن[يەشمىسى:]794 — 864) ياپونىيىدىكى پىڭئەننىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى بۇددا دىنى تيەنتەيزۇڭ مەزھىپىنىڭ پىرى. شيايې (ھازىرقى لىمو ناھىيىسى)دە تۇغۇلغان. مىلادى 802-يىلى داسى ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ بىلىم ئالغان. 808-يىلى يەنلى ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، زۇڭچېڭنىڭ شاگىرتى بولغان. 838-يىلى (ياپونىيە چېڭخىنىڭ 5-يىلى، تاڭ سۇلالىسى كەيچېڭنىڭ 3-يىلى) يۈەنشىڭ، چاڭشياۋ قاتارلىقلار بىلەن بىللە تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچى تىڭ يۈەنچاڭ بىلەن بىللە جۇڭگوغا كەلگەن. چۈەنجۇدىكى كەييۈەن ئىبادەتخانىسىدا سىددام يېزىقىنى ئۆگەنگەن. ئابخىسكا رەسىم-قائىدىسىنى ئۆتكۈزگەن.840-يىلى ۋۇتەيشەنگە چىقىپ «ماخاجژگۈەن»نى ئۆگەنگەن؛ ئاندىن كېيىن چاڭئەنگە بېرىپ، داشىنشەن ئىبادەتخانىسى، چىڭلۇڭ ئىبادەتخانىسى، شۈەنفا ئىبادەتخانىسى، لىچۈەن ئىبادەتخانىسى قاتارلىق جايلاردا ۋاجرا چوڭ قانۇنى، ھامىلە، دارانى ۋە پاك دۇنيا مەزھىپى ئەقىدىلىرىنى ئۆگەنگەن. 845-يىلى تاڭ ۋۇزۇڭ زامانىسىدا بۇددا دىنى مەنئى قىلىنغان. ئۇ چاڭئەندە ئالتە يىل تۇرغاندىن كېيىن،847-يىلى (ياپونىيە چېڭخېنىڭ 14-يىلى، تاڭ سۇلالىسى داجۇڭنىڭ بىرىنچى يىلى) ياپونىيىگە قايتقان ھەم نۇرغۇنلىغان بۇددا نوملىرىنى ئېلىپ بارغان. 854-يىلى يەنلى ئىبادەتخانىسىدا ئۈچىنچى بولۇپ باش ئورۇننى ئالغان. ئۆلگەندىن كېيىن شەپقەتلىك ئۇستاز دەپ تونۇلغان. «تاڭ سۇلالىسى زېمىنىغا كىرىپ تەرىقەت ئىزدەش يولىدىكى ساياھەت خاتىرىسى» دېگەن تۆت كىتابى جۇڭگو-ياپونىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخىدىكى مۇھىم ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يۈەنشەن ئومۇمىي ئىش تاشلىشى

  • يۈەنشەن ئومۇمىي ئىش تاشلىشى[يەشمىسى:] چاۋشيەن ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئومۇمىي سىياسىي ئىش تاشلىشى. 1929-يىلى 1-ئايدا، يۈەنشەن نېفىت ئىشچىلىرى ياپون نازارەتچىلىرىنىڭ ئىشچىلارنى ئۇرغانلىقىغا نارازىلىق قىلىش يۈزىسىدىن ئىش تاشلىغان. ترانسپورت ۋە پرىستان قاتارلىق 24 كەسپىي ساھەلەردىكى ئىشچىلار ئاۋاز قوشۇپ، ئومۇمىي ئىش تاشلاش شەكىللەنگەن. ئىش تاشلىغانلار سەككىز سائەت ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى ئەركىن تەشكىللەش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە جايلاردىكى ئىشچىلار، دېھقانلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا، كۈرەشنى قەيسەرلىك بىلەن قانات يايدۇرغان. كېيىن ياپون ھەربىي ساقچىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. ئۇ،30-يىللاردىكى چاۋشيەن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئۆرلىشىنىڭ سىگنالى ئىدى.

يۈز كۈنلۈك خاندانلىق

  • يۈز كۈنلۈك خاندانلىق[يەشمىسى:] فرانسىيىدىكى ناپولېئون Ⅰنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ھۆكۈمرانلىق مەزگىلى. 1815-يىل 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە يۈز كۈن ئەتراپىدا بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ناپولېئون مەملىكەت ئىچىدە قايتا تىرىلگەن سۇلالە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ لىڭشىپ قالغانلىقى ۋە ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ۋېنا يىغىنىدىكى تۈگىمەس تالاش-تارتىشىدىن پايدىلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنغان ئېلبا ئارىلىدىن قېچىپ چىقىپ، 1815-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنى فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدا قۇرۇقلۇققا چىققان. يول بويى قان تۆكمەيلا 20-كۈنى پارىژغا يېتىپ كېلىپ، خاندانلىقنى قايتا قۇرۇپ چىققان. 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋاتېرلوئودا فرانسىيىگە قارشى يەتتىنچى قېتىملىق بىرلەشمە ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان. 22-كۈنى يەنە بىر قېتىم تەختتىن چۈشۈپ، ئاتلانتىك ئوكياندىكى سېنت-ھېلېن ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. ناپولېئون ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان.

يۈز كىشىلىك پرولېتارلار ئىتتىپاقى

  • يۈز كىشىلىك پرولېتارلار ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] 1923-يىلى گېرمانىيە ئىنقىلابى دولقۇنىدىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ جەڭگىۋار تەشكىلاتى. 1923-يىلنىڭ باشلىرىدا بېرلىن ئىنقىلابىي ماستىرلار كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان، كېيىن پۈتۈن دۆلەتتە تەرەققىي قىلىپ 800 نەچچىگە، ئادەم سانى 100 مىڭ كىشىگە يەتكەن. ئۇ گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپ ئىشچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرغان. رور، تورىنگېر، ساكسونىيە قاتارلىق سانائەت رايونلىرىدىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەردە، ئەكسىيەتچىلەر ۋە فاشىست ئۇنسۇرلارغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ئىشچىلار يىغىلىشلىرى، نامايىشلار، ئىشچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىلغار گېزىت-ژۇرناللارنىڭ نەشىر قىلىنىشىنى قوغدىغان. ئىنقىلابىي ھەرىكەت مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1924-يىلى ئۇنىڭ ئاساسىدا قىزىل جەڭچىلەر ئىتتىپاقى تەشكىللەنگەن.

يۈز يىللىق ئۇرۇش

  • يۈز يىللىق ئۇرۇش[يەشمىسى:] 1337 — 1453-يىللىرى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدا بولغان ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇش 100 يىل داۋاملاشقانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئىككى دۆلەت خان جەمەتىنىڭ باي-ئاۋات فلاندرىيە ۋە ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅱ دىن باشلاپ ئەنگلىيە فرانسىيە تەۋەلىكىدە ئىگىلىۋالغان زېمىننى تالىشىش يۈزىسىدىن كېلىپ چىققان. 1328-يىلى فرانسىيە كاپى خاندانلىقىنىڭ ۋارىسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، تارماق جەمەت — ۋالۇئا(Βалyа) جەمەتىدىن فىلىپ تەختكە ئولتۇرۇپ، فىلىپ Ⅵ دەپ ئاتالغان. ئەنگلىيە كورۇلى ئېدۋارد Ⅲ فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅳنىڭ قىز تەرەپ نەۋرىسى سالاھىيىتى بىلەن فرانسىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تەمە قىلغان. نەتىجىدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1337-يىلى 11-ئايدا ئەنگلىيە فرانسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. ئۇرۇش جەريانىنى تۆت باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ: بىرىنچى باسقۇچ (1337 — 1360). 1340-يىلى 6-ئايدا ئەنگلىيە سىلوس دېڭىز ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەنگلىيە بوغۇزىنى كونترول قىلغان. 1346-يىلى 8-ئايدا كىرېسى ئۇرۇشىدا فرانسىيە ئارمىيىسىنى يەنە تارمار قىلغان، ئىككىنچى يىلى كالې پورتىنى ئىشغال قىلغان. 1356-يىلى سېنتەبردىكى پۇياتې ئۇرۇشىدا، ئەنگلىيە ئارمىيىسى يەنە بىر قېتىم غەلىبە قىلىپ، فرانسىيە كورۇلى جون Ⅱ(ياخشى كىشى)نى ئەسىر ئالغان. 1360-يىلى 5-ئايدا فرانسىيە شاھزادىسى چارلېس ئەنگلىيە بىلەن سۈلھ تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ، «برېتىنى شەرتنامىسى»نى ئىمزالىغان. 1364-يىلى جون Ⅱ(ياخشى كىشى) لوندوندا تۈرمىدە ئۆلگەنلىكتىن، شاھزادە چارلېس تەختكە ئولتۇرۇپ، چارلېس Ⅴ دەپ ئاتالغان. ئۇ زور كۈچ بىلەن مالىيىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئەسكەر ئېلىپ، پۇرسەت كۈتكەن. ئىككىنچى باسقۇچ (1369 — 1396). بۇ باسقۇچتا فرانسىيە ئارمىيىسى ئارقا-ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىپ، 1380-يىلى چارلېس Ⅴ قازا تاپقان ۋاقىتقا كەلگەندە، قولدىن كەتكەن زور بىر قىسىم زېمىننى قايتۇرۇۋالغان بولۇپ، پەقەت دېڭىز بويىدىكى كالى قاتارلىق بەش شەھەرلا ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن. 1396-يىلى ئىككى تەرەپ 20 يىل ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان. ئۈچىنچى باسقۇچ (1415 — 1420). بۇ باسقۇچتا فرانسىيە كورۇلى چارلېسⅥ تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، فرانسىيە ھۆكۈمرانلار سىنىپى ئورلېئان كىنەزى بىلەن بۇرگۇند كىنەزى باشچىلىقىدىكى ئىككى چوڭ گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ، ئىچكى جېدەل-ماجىرا يۈز بېرىپ،جېدەل-ماجىرادا يېڭىلگەن بۇرگۇند گۇرۇھى ئەنگلىيە تەرەپكە ئېغىپ كەتكەن. 1415-يىلى 8-ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يەنە بىر قېتىم فرانسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، 10-ئايدا ئازېنكۇر ئۇرۇشىدا فرانسىيە ئارمىيىسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، ئارقىدىنلا تېزلىك بىلەن پارىژ ۋە لۇئار دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايونلارنى ئىشغال قىلغان. 1420-يىلى 5- ئايدا ئىككى دۆلەت «ترويېس شەرتنامىسى»نى ئىمزالىغان.تۆتىنچى باسقۇچ(1428—1453). بۇ باسقۇچتا، ئەنگلىيە ئارمىيىسى 1428-يىلى جەنۇبقا قاراپ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، 10-ئايدا فرانسىيىنىڭ جەنۇبىغا ئۆتۈشتىكى دەرۋازىسى ئورلېئان شەھىرىنى قورشىۋالغان، فرانسىيە خەلقى قوزغىلىپ، جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن ئەنگلىيە قوشۇنىغا باتۇرلارچە قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1429-يىلى 5-ئايدا ئايال مىللىي قەھرىمان جېنناديارك قوشۇننى باشلاپ كېلىپ، ئورلېئان شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغان ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى چېكىندۈرگەن، ئارقىدىن يەنە شىمالدىكى كۆپلىگەن شەھەرلەرنى قايتۇرۇۋالغان، 1435-يىلى 9-ئايدا بۇرگۇند كىنەزى فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅶگە ئىتائەت قىلغان، بۇنىڭ بىلەن فرانسىيە ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى يېڭىباشتىن بىرلەشكەن. 1453-يىلى 10-ئايدا، فرانسىيە ئارمىيىسى ئەنگلىيىنىڭ فرانسىيە چېگرىسى ئىچىدە ئىگىلىۋالغان كالې پورتىدىن باشقا بارلىق زېمىننى قايتۇرۇۋالغان. مۇشۇ چاغقا كەلگەندىلا، 100 يىللىق ئۇرۇش فرانسىيىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان.

يېدياۋ دۆلىتى

  • يېدياۋ دۆلىتى[يەشمىسى:] يەنى «ياۋا دۋىيا دۆلىتى».

يېرىكو

  • يېرىكو[يەشمىسى:]Jerico) ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ ئۆلۈك دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئاغزىدىن غەربىي شىمالغا تەخمىنەن 15 كىلومېتر كېلىدىغان جاي — ئىئوردانىيىنىڭ غەربىدىكى قەدىمكى خارابە. ئەنگلىيىلىك ئارخېئولوگ گارىستاڭ (Joho Garstang، 1876 — 1956) ۋە كېنيون (Dame Kathleon Kenyon،1906— ؟)ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1935 — 1936، 1952 — 1958-يىللىرى قېزىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خارابىدىن ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرىدىن برونزا دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە بولغان قېلىنلىقى 17 قات كېلىدىغان مەدەنىيەت قاتلىمىنى تاپقان. خارابىنىڭ دائىرىسى 40 مىڭ كۋادرات مېتر كېلىدۇ. «تەۋرات»تا ئۇ «پالما دەرەخ شەھىرى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بىر مەھەل گۈللەنگەن. ئەڭ دەسلەپتىكى مىلادىدىن تەخمىنەن 7800 يىل ئىلگىرىكى مەدەنىيەت قاتلىمىدىن ئىبادەتخانا ۋە تۇرالغۇ جاي ئىزلىرى تېپىلغان، 17-قاتلىمىدىكى تۇرالغۇ جاي ئىزلىرى ئەتراپىدىن قېلىنلىقى 5.1 مېتر، ئېگىزلىكى 9.3 مېتر كېلىدىغان قورۇق تام تېپىلغان ھەمدە بۇ جايدا كۆزىتىش مۇنارىسى بولغان. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپكى شەھەر ھېسابلىنىدۇ. تېپىلغان نەرسىلەر غەربىي ئاسىيانىڭ يىراق قەدىمكى زامان تارىخىنى ۋە «تەۋرات»تىكى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەنگەن يىللارنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يېرىم ئارال ئادەملىرى

  • يېرىم ئارال ئادەملىرى[يەشمىسى:]Peninsulares)ⅩⅥ ئەسىردىن ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلىرىدىكى خەلقنىڭ ياۋروپادا تۇغۇلغان ۋە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئىسپانلارغا قويغان كەمسىتىش نامى. چۈنكى ئىسپانىيە ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىغا جايلاشقانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان.ئۇلار ئومۇمەن ئەسلىدىكى سۇنغان ئىسپان پومېشچىكلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار-ئالىيجانابلار بولۇپ، خان جەمەتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكە زېمىنلىرىغا كۆچۈپ بېرىپ، مەمۇرىي، ھەربىي ۋە چېركاۋلارنىڭ بارلىق يۇقىرى ھوقۇقلىرىنى ئىگىلىۋالغان ياكى توپ تارقىتىش سودىگىرى بولغان. ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمى بولغاچقا ئۆزلىرىنى «ئالىي ئىرق» دەپ ئاتاپ، تۆۋەن قاتلام خەلقىنىھىيلە-مىكىر بىلەن قاقتى-سوقتى قىلغان. ئۇلار ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىسپانىيە مۇستەملىكىلىرى ئومۇمىي نوپۇسىدا ناھايىتى ئاز ساننى ئىگىلىگەن بولۇپ، 1800-يىلىغا كەلگەندە ئاران 300 مىڭ كىشى ئەتراپىدا بولغان.

يېرىم ئارال ئۇرۇشى

  • يېرىم ئارال ئۇرۇشى[يەشمىسى:] فرانسىيە بىرىنچى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىنى بويسۇندۇرۇش مەقسىتىدە ئەنگلىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيىلەر بىلەن 1808 — 1814-يىللىرى قىلغان ئۇرۇشى. پورتۇگالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزمىگەنلىكتىن، ناپولېئونⅠ 1807-يىلى ئىسپانىيە بىلەن پورتۇگالىيىنى بۆلۈشۈۋېلىش مەخپىي كېلىشىمى تۈزۈگەندىن كېيىن، قوشۇن ئەۋەتىپ پورتۇگالىيىگە تاجاۋۇز قىلغان. پورتۇگالىيە كورۇلى ژوئاۋⅥ (JoaoⅥ) برازىلىيىگە قېچىپ كەتكەن. ناپولېئونⅠ ئىسپانىيىگە يۈرۈش قىلىپ مادرىدنى بېسىۋالغان، ئىسپانىيە كورۇلى چارلېس Ⅳنى ئۆزىنىڭ ئوغلى فېردىناند Ⅶ گە تەختىنى بوشىتىپ بېرىشكە زورلىغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىسپانىيىنىڭ ئاتا-بالا كورۇلىنى نەزەربەند قىلىپ، ژوزىف (ناپولېئوننىڭ ئاكىسى) نى ئىسپانىيە كورۇلى قىلغان. ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە خەلقلىرى فرانسىيىنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنى قانات يايدۇرغان(«ئىسپانىيىدىكى 1808—1814-يىللاردىكى ئىنقىلاب»قا قارالسۇن). ئەنگلىيە ئەسكەر چىقىرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، يەرلىك خەلقنىڭ پائال ماسلىشىشى بىلەن فرانسىيە قوشۇنىنى پورتۇگالىيىدىن قوغلاپ چىقارغان ھەمدە ئىسپانىيىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش ئېلىپ بارغان. 1813-يىلى ۋېلىڭتون ئەنگلىيە-ئىسپانىيە-پورتۇگالىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى باشلاپ، ئىسپانىيىدىن فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن. 1814-يىلى 4-ئايدا ناپولېئون تەختتىن چۈشۈپ ئۇرۇش ئاخىرلاشقان. ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە خەلقىنىڭ فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان قەيسەرلەرچە كۈرىشى ناپولېئون ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچلەرنىڭ بىرى بولغان.

يېرماك تىموفېيېۋىچ

  • يېرماك تىموفېيېۋىچ[يەشمىسى:]Ермак Тимоφeeвич،؟ — 1585) 1581 — 1585-يىللىرى روسىيە سىبىرىيىگە ئەۋەتكەن كازاك ئۇزاققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننىڭ قوماندانى،دون كازاكلىرىنىڭ ئاتامانى بولغان. 1581-يىلى سىتروگانوۋ(Строгановь) جەمەتى تەشكىللىگەن ئۇزاققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننى (840 نەپەر كىشى، بۇنىڭ ئىچىدە كازاكلار 540 نەپەر) باشلاپ، كېمىگە چۈشۈپ ئېرىتىش دەرياسى ئارقىلىق ئۇرال تاغلىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە يۈرۈش قىلىپ، سىبىرىيىنىڭ غەربىي قىسمىغىچە بېسىپ كىرگەن. 1582-يىلى سىبىر خانلىقىنىڭ پايتەختى سىبىرنى بېسىۋالغان. بۇ ئىش ئۈچۈن ئىۋان Ⅳ نىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ «باتۇر» دەپ نام ئالغان. كېيىن سىبىرىيە خانلىقىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پارتىزانلىق تاكتىكىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق بەرگەن قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرىغان. ئىۋان Ⅳ ئىككى قېتىم ئەسكەر ئەۋەتىپ ياردەم بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا قىيىن ئەھۋالدا قالغان. 1585-يىل 8-ئاينىڭ 6-كۈنى سىبىرىيە خانلىقى خەلقىنىڭ قىلغان كېچىلىك ھۇجۇمىدا ئۇزۇنغا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننىڭ ئاساسىي كۈچى يوقىتىلغان چاغدا بۆكتۈرمىگە ئۇچراپ، ئېرىتىش دەرياسىغا چۆكۈپ ئۆلگەن. قالدۇق قىسمى سىبىرىيىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان.

يېزا جامائەسى

  • يېزا جامائەسى[يەشمىسى:] يەنى «يېزا كوممۇنىسى».

يېزا كوممۇنىسى

  • يېزا كوممۇنىسى[يەشمىسى:] ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى ئورنىغا بارلىققا كەلگەن يېزا-قىشلاق ئورتاق گەۋدىسى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ۋە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكىدىن ئىبارەت ئىككى خىل مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ئاساس قىلغان، تېررىتورىيە مۇناسىۋىتى بويىچە بىرلەشكەن. يېزا(يېزا-قىشلاق) يېڭى تاش قورال دەۋرىدىلا بارلىققا كەلگەن (دېھقانچىلىق بىلەن بىر ۋاقىتتا دېگۈدەك پەيدا بولغان) بولۇپ، دەسلەپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇرۇق-قەبىلىلەرنىڭ تۇرۇشلۇق ماكانى بولغان. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۆسۈشى (مېتال قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشى)، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىمات ۋە ئايرىۋاشلاشنىڭ تەرەققىياتى تۈپەيلىدىن، پەيدىنپەي باي-كەمبىغەللىشىش ۋە سىنىپ بارلىققا كېلىپ، قانداشلىقنى تۈگۈن قىلغان ئۇرۇق-قەبىلە يىمىرىلىشكە قاراپ يۈزلىنىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن يەككە ئائىلىلەر بۆلۈنۈپ چىققان. بۇ خىل ئائىلىلەر تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ھامان ئۆز ئۇرۇقىدىن ئايرىلىپ ياقا يۇرتلارغا بېرىپ، تارقاق ئولتۇراقلاشقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياقا يۇرتلاردىن كۆچمەنلەرمۇ كېلىپ تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ئارىلاشما مەھەللىلەر، يەنى ئوخشاش بولمىغان ئۇرۇق ئەزالىرى بىلەن كۆچمەنلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلار بارلىققا كەلگەن. ئۇلار ئۆزئارا قوشنا بولۇپ ياشاپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان كىشىلەرنىڭ يېڭى ئورتاق گەۋدىسىنى تەشكىل قىلغان، شۇنىڭ بىلەن كونا ئۇرۇق-قەبىلە يېزا ئورنىنى يېزا كوممۇنىسى ئالغان. يېزا كوممۇنىسىدا، ئومۇمەن، تېرىلغۇ يەر، ئورمان، يايلاق، كۆل-كۆلچەك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كوممۇنىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان، قورۇ-جاي، چارۋا، دېھقانچىلىق سايمانلىرى، مەھسۇلات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يەككە ئائىلىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن. تېرىلغۇ يەر دەسلەپ كوممۇنا (باشقۇرۇش ئورگىنى) تەرىپىدىن قەرەللىك ھالدا ھەرقايسى ئائىلىلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەقسىم قىلىنىپ بېرىلگەن، كېيىن پەيدىنپەي خۇسۇسىينىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ كەتكەن. شۇڭا يېزا كوممۇنىسى — ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكىدىن خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىككە قاراپ ئۆتۈش خاراكتېرىدىكى ئۆتكۈنچى جەمئىيەت تەشكىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تېررىتورىيە مۇناسىۋىتى ئاساسىدا بىرلىشىش — بۇ يېزا كوممۇنىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە قانداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان. دېھقانچىلىق بىلەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىرلەشتۈرۈلگەن، ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان يېزا كوممۇنىسى، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن سىنىپىي جەمئىيەتكە قاراپ ئۆتۈۋاتقان ئۆتكۈنچى دەۋرىدە (مەسىلەن: گېرمانلاردا «ماركا»، شەرقىي سلاۋىيانلاردا«ۋىلىف» كوممۇنىسى قاتارلىقلار) كەڭ كۆلەمدە بارلىققا كەلگەن ھەمدە ئۇنىڭ قالدۇقلىرى قۇللۇق، فېئوداللىق، ھەتتا كاپىتالىستىك جەمئىيەتتىمۇ، ھەتتا كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ بەزى تەرەققىي تاپمىغان رايونلىرىدىمۇ ئۇزۇنغىچە ساقلانغان.

يېزا مەھكىمىسى

  • يېزا مەھكىمىسى[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى يەرلىك تۈزۈمىنىڭ بىرى. لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، پايتەختتە مەنسەپكە قويۇلغان ئەمەلدارلار ئۆز يۇرتى بويىچە پايتەخت مەھكىمىسى تەشكىل قىلغان ھەمدە يېزىلاردا يېزا مەھكىمىسى تەشكىل قىلغان. پايتەخت مەھكىمىسىگە ئايماق، ناھىيىلەردىكى مۇشتۇمزورلار ئىچىدىكى مەرتىۋىلىكلەرنى باش ئەمەلدار قاتارلىق مەنسەپلەرگە قويغان. ئايماقلارغا بەش كىشى، ۋىلايەتلەرگە تۆت كىشى، ناھىيىلەرگە ئۈچ كىشى قويۇلغان، ئۇلار يېزا ئەمەلدارلىرىنى تەكشۈرۈش،ئەمەلدارلارنىڭ قۇل-دېدەكلىرىنى نازارەت قىلىش، ئەدەب-ئەخلاققا خىلاپلىق قىلغان، ئىتتىپاقسىزلىق قىلغانلارنى نازارەت قىلىش، پەرمەندارلارنى ئەخمەق قىلغانلارنى جازالاش، مەنسىپىدىن پايدىلىنىپ پۇقرالارنى خارلىغانلارنى مەنسەپتىن، قالدۇرۇش يېزا ئۆرپ-ئادىتىنى ساقلاش قاتارلىقلارنى باشقۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بىرنەچچە قېتىم ئۆزگەرتىلگەن. 1467-يىلى (شىزۇنىڭ 13-يىلى) خەنجىنداۋدىكى لى شىئەي قوزغىلىڭى مەزگىلىدە يېزا مەھكىمىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى لى شىئەينى قوللاپ، پەرماندارلارنى، مۇپەتتىشلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكتىن، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1488-يىلى(چىڭزۇڭنىڭ 19-يىلى) قايتىدىن تەسىس قىلىنغان. لى سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلار، ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلەر باشقىدىن تەپتىش مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، يېزا ئەمەلدارلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرغان، ئۇنىڭ كۈچى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيگەن، شۇنىڭ بىلەن يېزا مەھكىمىسى ئاستا-ئاستا ئەمەلدىن قالغان.

يېزا ئىگىلىك سوتسىيالىزمى

  • يېزا ئىگىلىك سوتسىيالىزمى[يەشمىسى:] لېنىن روسىيىدىكى نارودنىكلارنى تەنقىد قىلغاندا ئىشلەتكەن «دېھقانلار سوتسىيالىزمى» دېگەن ئاتالغۇدىن كەلگەن، ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى ئاساسى ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر خىل تەڭ تەقسىماتچىلىق ئىدىيىسىنى كۆرسىتىدۇ.ئۇلار يەر ۋە ھەممە مال-مۈلۈكنى تەڭ تەقسىم قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. پۈتكۈل ئىجتىمائىي ئىگىلىكنى «باراۋەر» بولغان ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكىگە ئايلاندۇرۇش — سوتسىيالىزمنى ئىشقا ئاشۇرۇش دېمەكتۇر، بۇ ئارقىلىق كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىدىن خالى بولغىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. بۇ فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ زۇلمى ئاستىدىكى دېھقانلارنىڭ پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ يەر مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، دېھقانلار يەر مۈلۈكچىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى ئىنقىلابىي تەلىپىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرگەن. بىراق، بۇ خىل ئىدىيە ئېقىمىنىڭ ماھىيىتى — ئۇششاق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، بىر خىل «باراۋەر» بولغان ئۇششاق دېھقانلار ئىگىلىكى مەڭگۈ گۈللەپ-ياشناپ تۇرىدىغان غايىۋى ئالەمنى قۇرۇشنى خام خىيال قىلغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئاقىۋىتى مۇقەررەر ھالدا ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە بۇزغۇنچىلىق سېلىپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلاتتى، شۇڭا ئۇ بىر خىل قالاق ۋە ئەكسىيەتچىل پىكىر ئېقىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يېزا ئىگىلىكىنى تەرتىپكە سېلىش قانۇنى

  • يېزا ئىگىلىكىنى تەرتىپكە سېلىش قانۇنى[يەشمىسى:] ئامېرىكىدا «يېڭى سىياسەت»نى يولغا قويغان مەزگىلدە چىقىرىلغان مۇھىم قانۇن. 1929 — 1933-يىللىرى ئامېرىكا يېزا ئىگىلىكى كرىزىس ئىچىدە قالغان.يېزىلاردا ئېزىلىشكە قارشى كۈرەش ئۈزلۈكسىز كۆتۈرۈلۈپ، داغدۇغىلىق ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن.شۇ سەۋەبتىن 1933-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلت پارلامېنتنىڭ مەزكۇر قانۇننى ماقۇللىشىغا رەسمىي ئىمزا قويغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتىش ۋە ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاختاي باھاسىنى بېكىتىش ئارقىلىق ئېشىپ قالغان ئاشلىقلارنى تۈگىتىش؛ ھۆكۈمەت بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار توختام تۈزۈپ، ھۆكۈمەت قوشۇمچە ياردەم قىلىش ئارقىلىق تېرىلغۇ يەرلەرنى ۋە زىرائەت مىقدارىنى ئازايتىش؛ ھۆكۈمەت بېرىدىغان قوشۇمچە ياردەمنى بەلگىلەنگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بېجىدىن چىقىرىۋېلىش؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاختاي باھاسىنى، ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا دوللىرى سېتىۋېلىش كۈچىنى ئاساس قىلىپ، 1909 — 1929-يىللاردىكى كۆممىقوناق، پاختا، بۇغداي، گۈرۈچ، توڭگۇز، سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋە 1919 — 1929-يىللىرىدىكى تاماكا باھاسىنى ئۆلچەم سىزىقى قىلىپ بەلگىلەپ چىقىشتىن ئىبارەت. ھۆكۈمەت يېزا ئىگىلىكىنى تەرتىپكە سېلىش مەھكىمىسى تەسىس قىلغان. كېيىن بۇ قانۇن لايىھىسىگە كۆپ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ۋە تولۇقلانغان. بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى نەتىجىسىدە، 40 مىليون ئاكىر(ئىنگلىز موسى) تېرىلغۇ يەر تېرىلىشتىن توختىتىلغان، زور مىقداردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن چارۋىلار نابۇت قىلىنغان ۋە قىرىۋېتىلگەن، بۇنىڭدىن يىرىك يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرىنىڭ خوجايىنلىرى نەپ ئالغان، ئۇششاق يېزا ئىگىلىك مەيدان خوجايىنلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى تېزلەتكەن، يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى ئىشسىزلىرىنىڭ سانى كۆپەيگەن. 1936-يىلى 1-ئايدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسى قايتا ئۆرلەپ كەتكەن. شۇ ئايدا ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ قانۇننى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ دەپ جاكارلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

يېزدگېردⅢ

  • يېزدگېردⅢ[يەشمىسى:]Yazdegerd، ؟ — 651) «يەزدگېرد» دەپمۇ ئېلىنىدۇ. ئىران ساسانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى (632—651).«يېڭى تاڭنامە»دە يى سىچى (伊嗣俟) دەپ ئاتالغان. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا ساسانىيلار خاندانلىقى ناھايىتى ئاجىزلىشىپ كەتكەن. مىلادى 637-يىلى، ئىران قوشۇنلىرى كادىسىيە (Kadisia) ئۇرۇشىدا ئەرەبلەر تەرىپىدىن يېڭىلگەن. ئارقىدىنلا پايتەختى كېتسفون قولدىن كەتكەن،تەخمىنەن 642-يىلى، ئىران قوشۇنلىرى نىھاۋەند ئۇرۇشىدا يەنە يېڭىلىپ پۈتكۈل ئىران زېمىنى ئەرەبلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان.يېزدگېرد Ⅲ شەرققە قاچقان. 651-يىلى كۈزدە، مەرۋى (Merv) شەھىرىدە ئۆلتۈرۈلگەن.

يېسپېرسېن

  • يېسپېرسېن[يەشمىسى:]Jen Otto Harry Jesperson، 1860 — 1943) دانىيىلىك تىلشۇناس. كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. فرانسىيىگە چىقىپ ئوقۇغان.1893 — 1925-يىللىرى كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىنگلىز تىلى پروفېسسورى بولغان. ئىنگلىز تىلى تەتقىقاتى بىلەن داڭقى چىققان. 1928-يىلى يېڭى ئىجاد قىلغان بىر تۈرلۈك دۇنيا تىلى «نوۋىئال»(Novial) نى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تارقالمىغان. «تارىخىي پرىنسىپقا ئاساسلانغان ئىنگلىز گرامماتىكىسى»، «گرامماتىكىلىق پەلسەپە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

يېسېنىن

  • يېسېنىن[يەشمىسى:]Ceргей Александрович Есенин، 1895 — 1925) سوۋېت ئىتتىپاقى شائىرى، دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. چېركاۋ گىمنازىيە مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، دۇكان خىزمەتچىسى بولغان، دەسلەپكى شېئىرلىرىدا پاترىئارخاللىق تۈزۈمدىكى يېزىلارنىڭ تەبىئىي كۆرۈنۈشلىرى ھەم تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن. 1919 — 1921-يىللىرى ئىماژىنىزملىق ئەدەبىيات ئۇيۇشمىسىغا قاتناشقان. ئەسەرلىرىدە بىر مەزگىل شەكىلۋازلىقنى قوغلىشىپ، ھېسسىياتقا بېرىلىش، ھەسرەتلىنىش كەيپىياتىنى ئىپادىلىگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى بىر قىسىم ئەسەرلىرىدە، مەسىلەن: «سوۋېت روسىيىسى»داستانى، «روسىيە ۋە ئىنقىلاب» قاتارلىق شېئىرلار توپلىمىدا داھىي ۋە ئىنقىلابچىلارنىڭ شانلىق ئوبرازىنى يارىتىشقا، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ يېڭى تۇرمۇش يارىتىشتىكى قىزغىنلىقىنى مەدھىيىلەشكە تىرىشقان. ئەمما يەنىلا پاترىئارخاللىق شەكىلدىكى قورۇق تۇرمۇشىدىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەن. يەنە بىر قىسىم روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە بەڭباشلىق، شاللاق شېئىرلارنىمۇ يازغان. كېيىن روھىي كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

يېشىل قەغەز پۇل

  • يېشىل قەغەز پۇل[يەشمىسى:] ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە تارقاتقان قانۇنىي قەغەز پۇل؛ ئارقا تەرىپى يېشىل رەڭلىك بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ھېچقانداق كاپالەت قىلغۇچى بۇيۇمى بولمىغان، ئالتۇن پۇلغا تېگىشكىلى بولمىغان؛ دۆلەت بىلەن خۇسۇسىيلار سودىسىغا ئىشلەتكىلى بولغان، ئەمما چېگرا بېجى تاپشۇرۇشتا زايوم ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشتا ئىشلەتكىلى بولمىغان.1862-يىلىدىن باشلاپ جەمئىي 550 مىليون دوللارغا يېقىن تارقىتىلغان. تارقىتىلغان سانى زىيادە كۆپ بولغانلىقتىن، كۇرسى چوڭ ھەجىمدە تۆۋەنلىگەن. 1878-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئالتۇن پۇل ئارقىلىق 100 مىليون يۈەن يىغىۋېلىنغان، ئەمما قالغان قىسمى1879-يىلى تېگىشكىلى بولىدىغان قەغەز پۇل قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنگە قەدەر ئوبوروت بولغان.

يېشىل يەكتەكلىك ئەرەبلەر

  • يېشىل يەكتەكلىك ئەرەبلەر[يەشمىسى:] جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا فاتىمە سۇلالىسىنىڭ ئاتىلىشى. بۇ سۇلالىنىڭ بايرىقى يېشىل رەڭلىك بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. غەرب ھۈججەتلىرىدە جەنۇبىي ساراسېن ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتالغان.

يېشىللار پارتىيىسى

  • يېشىللار پارتىيىسى[يەشمىسى:] مىلادى Ⅴ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە جىمولاردىن ئۇيۇشقان پارتىيە. ئۇنىڭ يۇقىرى قاتلىمى ئىمپېرىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەر بىلەن زىچ باغلانغان باي سودىگەرلەر بولۇپ، سىنات ۋە يەرلىك ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ رولىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە بىدئەت دەپ قارالغان خرىستىئان دىنىنىڭ بىر خۇسۇسىيەت ئېقىمىغا مايىل بولغان. ئۇنىڭ تۆۋەن قاتلىمى كۆپىنچە ئاددىي شەھەر ئاھالىسىدىن تەركىب تاپقان. «كۆكلەر پارتىيىسى»گە قاراڭ. 

يېشىل لايىھە

  • يېشىل لايىھە[يەشمىسى:] فاشىستلار گېرمانىيىسىنىڭ چېخوسلوۋاكىيىنى ئىشغال قىلىش ھەربىي پىلانىنىڭ شەرتلىك بەلگىسى. گېرمانىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بلومبېرگ گىتلېرنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن، 1937-يىلى 6-ئايدا، ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ يىلى 12-ئايدا مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن، گىتلېر تەرىپىدىن تەستىقلانغان. گېرمانىيە 1938-يىلى باھاردا ئاۋسترىيىنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئەڭ ئالىي قوماندانلىق شتابىنىڭ باشلىقى كېتېل بۇ لايىھە ھەققىدىكى يېڭى بۇيرۇقنى تۈزۈپ چىققان، 5-ئاينىڭ 30-كۈنى گىتلېر تۈزىتىپ ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ئۈچ ئارمىيىنىڭ باش قوماندانىغا ئەۋەتىلگەن. بۇيرۇقتا «يېقىن كەلگۈسىدە ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق چېخوسلوۋاكىيىنى تارمار قىلىش»؛ ئىغۋاگەرچىلىك ۋەقەسى ئارقىلىق چاقماق شەكلىدە ھۇجۇم قوزغاش»، «تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشتىن تولۇق پايدىلىنىش»؛ گېرمانىيە ئارمىيىسى چوقۇم 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن بېسىپ كىرىش تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ بولۇش بەلگىلەنگەن. يەنە سىياسىي، دىپلوماتىيە ۋە تەشۋىقات قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەدبىرلەر ھەققىدە مۇناسىپ بەلگىلىمە چىقىرىلغان.

يېغىلىق دەۋرى

  • يېغىلىق دەۋرى[يەشمىسى:] ياپونىيە موروتو ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى فېئوداللار ئوتتۇرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى، بىر-بىرىنى يۇتۇۋالغان 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇسنتي پاراكەندىچىلىكىدىن (1467) باشلىنىپ، موروتو شوگونلۇقى يوقالغانغا (1573) قەدەر داۋاملاشقان. كاماكۇرا دەۋرىدىن موروتوغىچە بولغان مەزگىلدە شوگنات ھەمدە ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى جايلاردىكى فېئوداللارنى كونترول قىلىش كۈچىدىن مەھرۇم بولغان، مۇھاپىزەتچى تۆرىلەرنىڭ كۆپ قىسمى چىرىكلىشىپ، پەقەت تاكېتا، يېماكاۋا، ئۆتومو ۋە شىمازۇ قاتارلىق جايلارلا قالغان. يېڭى تۆرىلەر باش كۆتۈرگەن، كانتون تەرەپتە خوجۇ، ساتاكى؛ غەربىي شىمالدا ناگائۇ، شەرقىي شىمالدا داتى، ئويانى؛ كىيوسىيۇدا رىيۇگايجى ئىبادەتخانىسى، ئارىما؛ شىكوكۇدا ناكاشىۋابې؛ خونىسىيۇنىڭ جەنۇبىدا ئوراتو، ئۇكامىتا، مورى؛ كىيوساۋانىڭ ئەتراپىدا ئارۇي، ئاساكۇرا، سايتو، شىجىدا، توكۇگاۋا قاتارلىقلار باش كۆتۈرگەن. قاراشلىق سامۇرايلارنىڭ فېئوداللارنىڭ ئورنىغا دەسسەش كەيپىياتى بەكلا ئومۇملىشىپ كەتكەن. ھەرقايسى جايلاردىكى تۆرىلەر ئۆز زېمىنىدا مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، «دۆلەت قانۇنى» نى تۈزۈپ، قەلئەلەرنى ياسىغان، ئەسكەرلەر بىلەن دېھقانلارنى ئايرىپ، يېزىلاردىكى سامۇرايلارنى چەتكە قېقىپ، دېھقانلارنى بىۋاسىتە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغان. يەر ئۆلچەش ۋە نوپۇس تەكشۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دېھقانلارنى ئىدارە قىلغان شۇنىڭدەك يېڭى يەرلەرنى ئېچىپ، كان مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقارغان، بېكەتلەرنى تەرتىپكە سېلىپ، كېمىسازلىق ئىشلىرىغا مەدەت بېرىپ، تاۋار ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر ئەتراپى بازارلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. يېغىلىقتا ئوردا ئاقسۆڭەكلىرى ۋە راھىبلار،سەنئەتكارلار تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ كەتكەن، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تارقىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. بۇددا دىنىنىڭ كونا مەزھەپلىرى زاۋاللىققا يۈزلىنىپ خوينوربىينى ئىبادەتخانىسىنىڭ تەسىر دائىرىسى كېڭەيگەن. يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان نىسېكو مەزھىپى سودىگەرلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۇ مەزگىلدە ئودا يېيوكو توپىلىڭى، زېداننى توپىلىڭى يۈز بەرگەن. سودا جەھەتتە كېيۇسىيۇدىكى ئومېيئويىنى بىلەن شىكاۋا مەخسۇس مەنپەئەتدارلىق ھوقۇقىنى تالاشقان. 1523-يىلى (ياپونىيە ئوجۇنىڭ 3-يىلى، مىڭ سۇلالىسى جياجىڭنىڭ 2-يىلى) جۇڭگونىڭ نىڭپو دېگەن يېرىدە توقۇنۇش بولغان؛ 1551-يىلى (ياپونىيە تېنبوننىڭ 20-يىلى، مىڭ سۇلالىسى جياجىڭنىڭ 30-يىلى) ئويتېسرو ئۆلگەندىن كېيىن، توختاملىق سودا توختىغان. ياپون قاراقچىلىرى جۇڭگونىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىغا ئۈزلۈكسىز تۈردە تاجاۋۇز قىلىپ تۇرغان. كۆپ قېتىم ئۇرۇش ئارقىلىق خوجۇ، تاكېتا، يېماكاۋا، شىجىدا، مورى ۋە شىمازو قاتارلىق تۆرىلەر قېپقالغان، كېيىن جىتيەن شىنجاڭ تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. 1573-يىلى (ياپونىيىنىڭ تېنىسكى تۇنجى يىلى) جىتيەن شىنجاڭ سىياگۇن كورسېنجۇنى (1537 — 1597) كىيوتودىن قوغلاپ چىقىرىپ، موروتو شوگناتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. بۇ دەۋردە ياپونىيە جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن.

يېقىنقى زامان

  • يېقىنقى زامان[يەشمىسى:] يەنى كاپىتالىزم دەۋرى (كۆپرەك ياۋروپا كۆزدە تۇتۇلىدۇ). تارىخشۇناسلىقتا ئادەتتە 1640-يىلىدىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن باشلىنىپ،1917-يىلىدىكى روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىغىچە بولغان دەۋرنى كۆرسىتىدۇ. نېدىرلاندىيە ئىنقىلابى ياكى فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنى باشلىنىش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارمۇ بار. ياۋروپا-ئامېرىكا تارىخشۇناسلىرى ئىچىدە يەنە «ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى» ياكى «جۇغراپىيىۋى ئۇلۇغ كەشپىيات» قاتارلىقلارنى باشلىنىش قىلىش كېرەك، دەپ ھېسابلايدىغانلىرىمۇ بار. يېقىنقى زامان تارىخى ئىككى دەۋرگە بۆلۈنىدۇ: كاپىتالىزمنىڭ تىكلىنىشى ۋە ئۇنىڭ غەلىبە قىلىش دەۋرى. بۇ، 1640-يىلىدىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن تارتىپ 1871-يىلىدىكى پارىژ كوممۇنىسى ئىنقىلابى ھارپىسىغىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ جاھانگىرلىكنىڭ شەكىللىنىش دەۋرى. بۇ، 1871-يىلىدىكى پارىژ كوممۇنا ئىنقىلابىدىن تارتىپ، 1917-يىلىدىكى روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىغىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگو تارىخىدا يېقىنقى زامان ئادەتتە 1840-يىلىدىكى ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن تارتىپ، 1919-يىلىدىكى «4-ماي» ھەرىكىتى ھارپىسىغىچە بولغان يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق دەۋرىنى كۆرسىتىدۇ.

يېقىنلىشىشقا بولمايدىغانلار

  • يېقىنلىشىشقا بولمايدىغانلار[يەشمىسى:] ھىندىستاننىڭ تەبىقىچىلىك تۈزۈمىدىكى ئەڭ تۆۋەن قاتلام. ھىندى يېزىقىدا پارىئاھ (Pariah) لار، تامىل يېزىقىدا پاراييانلار (Paraiyan) دەپ ئاتالغان. «قارا بۇدۇن» دېگەن مەنىدە. تەبىقىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىلگەن ئادەملەر. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ئەڭ تۆۋەن. ئېزىلىشى، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنىشى ئەڭ ئېغىر. مۇتلەق زور كۆپچىلىكىنىڭ يېرى يوق، ھوقۇقى يوق. پەقەت يېزىلاردا ئىجارىكەش دېھقان، ياللانما دېھقان بولۇشقا ياكى شەھەرلەردە «پاسكىنا» كەسىپلەر (كىر يۇيۇش، تېرىچىلىك، قاسساپلىق، تازىلىق ئىشلىرى، جەسەت يىغىش قاتارلىقلار) بىلەن شۇغۇللىنىشىغىلا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزى ۋە ئىشلەتكەن نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسى «پاسكىنا» دەپ قارىلىپ، باشقا تەبىقىدىكىلەر بىلەن يېقىنلىشىشقا بولمايدۇ. ئىبادەتخانا، مەكتەپ قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغىمۇ كىرگۈزۈلمەيدۇ. 1950-يىلدىكى ھىندىستان ئاساسىي قانۇنىدا گەرچە ئۇلارغا گراژدانلىق ھوقۇقى بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھوقۇقسىز ئورنىدا ھېچقانداق چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان.

يېكاتېرىناⅡ

  • يېكاتېرىناⅡ[يەشمىسى:]Алексеевна ЕкатеринаⅡ، 1729 — 1796) روسىيە ئايال پادىشاھى (1762 — 1796). گېرمان كىنەزىنىڭ قىزى بولۇپ، ئەسلى ئىسمى سوفىيە ئاۋگۇست. 1745-يىلى پېتېر Ⅲ (Пётр Ⅲ، 1728 — 1762) بىلەن توي قىلىپ، ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن. 1762-يىلى پېتېر Ⅲ نى تەختتىن چۈشۈرۈۋېتىپ ئۆزى تەختكە چىققان. «ئوچۇق پىكىرلىك مۇستەبىت» سۈپىتىدە ۋولتېر (Voltaire) ۋە فرانسىيە ئېنسىكلوپېدىيىچىلىرى بىلەن زىچ ئالاقىدە بولغان. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارغا ناھايىتى نۇرغۇن يانچى ۋە يەرلەرنى تارتۇق قىلغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پومېشچىكلارنىڭ دېھقانلارنى قوغلىۋېتىش ھوقۇقى بارلىقى، دېھقانلارنىڭ پومېشچىكلارغا قەتئىي بويسۇنۇشى لازىملىقى توغرىسىدا پەرمانلار چىقارغان. پۇگاچيوۋ (Е. И. Пугачēв) قوزغىلىڭىنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرغان. سىرتقا قارىتا تۈركىيە بىلەن (1768 — 1774، 1787 — 1791)، شۋېتسىيە بىلەن (1788 — 1790) ئۇرۇش قىلغان. پولشانى بۆلۈۋېلىشقا ئۈچ قېتىم (1772-،1793-،1795-) قاتناشقان. لىتۋا، بلوروسىيە ۋە غەربىي ئوكرائىنانىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىنى ھەمدە قىرىمنى روسىيىگە قوشۇۋالغان. گروزىيىنى ھامىيلىقتىكى دۆلەت قىلىۋالغان. ياۋروپادىكى مونارخىيىلىك دۆلەتلەرنىڭ فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغا قارشى ھەرىكىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىل روسىيىدە يانچىلىق تۈزۈمى تازا ئەۋجىگە چىققان مەزگىل بولغان.

يېكۇ يېڭىشى (نوگوخىدېيو)

  • يېكۇ يېڭىشى (نوگوخىدېيو)[يەشمىسى:]1876 — 1928) ياپونىيىلىك باكتېرىئولوگ. تىببىي پەن دوكتورى. فۇسىما ناھىيىسىدىكى ئىناۋا شىروماچىدىكى بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. يۇقىرى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن توكيودىكى تاكاياما چىش كېسەللىكلىرى شۆيۈەنىدە شاگىرت بولغان. 1897-يىلى دوختۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ لاياقەتلىك بولغان. 1898-يىلى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىغا يۆتكىلىپ (تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى كىتا ئۇرا بىلەن بىللە) باكتېرىئولوگىيىنى تەتقىق قىلغان. 1900-يىلى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارغان. 1904-يىلى روكفېللېر تىببىي پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقات خادىمى بولغان. 1911-يىلى سىفىلىس بۇرما باكتېرىيىسىنى ساپ يېتىشتۈرۈشتىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش بىلەن بىر مەھەل نامى چىققان. 1913-يىلى يەنە پالەچلىك، دېۋەڭلىك كېسىلى ۋە يۇلۇن سىفىلىسىنىڭ سەۋەبى سىفىلىس ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ، دۇنياغا داڭق چىقارغان. 1923-يىلى ئىمپېرىيە ئالىملار يۇرتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1927-يىلى ئافرىقىغا بېرىپ سېرىق قىزىتما كېسىلىنىڭ ئەسلى باكتېرىيىسىنى تەتقىق قىلغان. ياندۇرقى يىلى يۇقۇملىنىش سەۋەبى بىلەن، كېسەل بولۇپ ئاككرادا ئۆلگەن.

يېگوروۋ

  • يېگوروۋ[يەشمىسى:]Александр Ильич Егоров، 1883 — 1939) سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى. مېشچانلار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1918-يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە 10-كورپۇسنىڭ سارىتسىننى قوغداش ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلغان. 1919-يىلىدىن باشلاپ جەنۇبىي فرونت قوماندانى بولۇپ، قىزىل ئارمىيىنىڭ دېنىكىننى قوغلاپ چىقىرىپ، ئوكرائىننى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلغان. سوۋېت روسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن پولشا پانلىرىنىڭ قوراللىق قىسىملىرىنى ۋە ۋرانگېلنى يوقىتىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن كيېۋ، لېنىنگراد ۋە بېلوروسىيە ھەربىي رايونلىرىنىڭ قوماندانى بولغان. 1931-يىلىدىن باشلاپ قىزىل ئارمىيە شتاب باشلىقى بولغان. 1935-يىلىدىن باشلاپ باش شتاب باشلىقى بولغان. 1937 — 1938-يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە خەلق كومىسسارلىقىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن كومىسسارى بولغان. 

يېڭى ئاساسىي نىزام پارتىيىسى

  • يېڭى ئاساسىي نىزام پارتىيىسى[يەشمىسى:] تۇنىستىكى سىياسىي پارتىيە. 1934-يىلى ئاساسىي نىزامچىلار پارتىيىسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان كۆپ سانلىقلاردىن تەركىب تاپقان. 1946-يىلى تۇنىسنىڭ تولۇق مۇستەقىل بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1950-يىلى فرانسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان. 1952-يىلىدىن باشلاپ فرانسىيىگە قارشى ھەرىكەتكە يېڭىباشتىن قاتنىشىپ، قوراللىق كۈرەشنى تەشكىل قىلغان. 1954-يىلى فرانسىيىنىڭ تۇنىسنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش لايىھىسىنى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەتكە يەنە قاتناشقان. 1956-يىلى فرانسىيە تۇنىسنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولۇپ قالغان. 1957-يىلى ھۈسەيىن خاندانلىقى بىكار قىلىنىپ، تۇنىس جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. رەئىس بورگىبا (Habib Bourguiba، 1903 —) زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. 1964-يىلى سوتسىيالىستىك ئاساسىي نىزاملىق پارتىيە دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

يېڭى ئاقسۆڭەك

  • يېڭى ئاقسۆڭەك[يەشمىسى:]Sentry) ⅩⅤ ئەسىردىن ⅩⅦ ئەسىرگىچە ئەنگلىيىدىكى بۇرژۇئازلاشقان ئاقسۆڭەكلەر، يېزا مۆتىۋەرلىرى دەپمۇ ئاتالغان. ئۇنى فېئودال ئاقسۆڭەكلەردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ئاقسۆڭەك دەپ ئاتاشقان. ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅱ تەختتە ئولتۇرغان چاغدا (1154 — 1189-يىللاردا) رىتسارلارنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ئورنىغا قالقان پۇلى ئېلىشنى بەلگىلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ھەربىي خىزمەتتىن ئازاد قىلىنغان ئوتتۇرا ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەر مەخسۇس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. تاۋار ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيگەن ھەم ئۇلار بىلەن بىللە پادىشاھلىق ھاكىمىيىتىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكىگە ئايلانغان. ⅩⅤ ئەسىردىن ئېتىبارەن، ئۇلار كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بويىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشكەن، يەرنى قوتانلاش، ياللانما ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىش، سودا-سانائەتكە مەبلەغ سېلىش ۋە چەت ئەلدە مۇستەملىكە قۇرۇشقا ئوخشاش پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. شۇنىڭ بىلەن بارا-بارا بۇرژۇئازلاشقان. بەزى ھاللىق دېھقانلار ۋە چوڭ سودىگەرلەرمۇ يەر ۋە مەرتىۋە سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ قاتارىغا كىرگەن. كېيىن يېڭى ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بۇرژۇئازىيە پەيدىنپەي بىرلىشىپ كەتكەن. ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە، ئۇنىڭ يۇقىرى تەبىقىدىكىلىرى چوڭ بۇرژۇئازىيە بىلەن بىللە ھوقۇق تۇتقان. 

يېڭى ئەنگلىيە

  • يېڭى ئەنگلىيە[يەشمىسى:]New England) ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئۇ، بۈگۈنكى ماين، يېڭى ھامىپشىر، ۋېرمونت، ماسساچۇسېتىس، رود-ئايلېند ۋە كوننېكتىكۇتتىن ئىبارەت ئالتە شتاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ نامى توغرىسىدا، بەزىلەر مۇستەملىكە مەزگىلىدىكى ئەنگلىيىنىڭ كاپىتانى جۇن سىمىس (John Smith، تەخمىنەن 1580 — 1631) بۇ رايوننىڭ ئەنگلىيە دېڭىز ياقىسىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، مۇشۇنداق ئاتىۋالغان دېسە، يەنە بەزىلەر، شاھزادە كارل (كېيىن كورۇل بولغان، كارلⅠ دەپ ئاتالغان) بۇ رايوننىڭ سىمىسنىڭ خەرىتىسىگە كىرگۈزگەن نامى دەيدۇ. 

يېڭى ئەنگلىيە ئىتتىپاقى

  • يېڭى ئەنگلىيە ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] 1643-يىلى شىمالىي ئامېرىكىدىكى يېڭى ئەنگلىيىنىڭ ماسساچۇسېت دېڭىز قولتۇقى، پلىمۇت، كوننېكتىكۇت ۋە يېڭى خاۋىندىن ئىبارەت تۆت مۇستەملىكىدىن تەشكىل قىلىنغان مۇداپىئە ھەمكارلىق دوستلۇق ئىتتىپاقى.1642-يىلى ئەنگلىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلاپ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرنى كونترول قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن. يېڭى ئېنگلاندتىكى مۇستەملىكىلەر فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ۋە ئىندىئانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۆرۈپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداش ئۈچۈن ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا ئۆزلىرى بىرلىشىپ 11 ماددىلىق ئىتتىپاق نىزامىنى تۈزگەن. ھەربىر مۇستەملىكىدىن ئىككى نەپەر ۋەكىل سايلاپ چىقىلغان. ۋەكالەت مۇددىتى بىر يىل قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئىتتىپاق پارلامېنتى تەشكىل قىلغان. ئىتتىپاق پارلامېنتى مۇداپىئە كۆرۈش، چېگرا ماجىراسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولغان؛ ھەرقانداق قارار بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن؛ لېكىن مۇستەملىكىلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى يەنىلا ئۆزلىرى باشقۇرغان. بۇ، شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1675-يىلى ئىتتىپاق ئىندىئانلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغىغان، يەنى فىلىپ كىڭ (Philip King) ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىك دائىرىلىرىنىڭ ئارىلىشىشى ۋە مۇستەملىكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تۈپەيلىدىن ئىتتىپاق 1684-يىلى پارچىلانغان. 

يېڭى تارىخشۇناسلىق ئېقىمى

  • يېڭى تارىخشۇناسلىق ئېقىمى[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئامېرىكا بۇرژۇئا تارىخشۇناسلىق ئېقىمى. ئۇنى ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس روبىنسون بىرىنچى بولۇپ تەشەببۇس قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى — «يېڭى تارىخشۇناسلىق» تا بۇ ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئاساسىي كۆز قارىشىنى شەرھلىگەن: (1) تارىخنىڭ دائىرىسىنى جۈملىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىكى بارلىق پائالىيەتلىرىگىچە كېڭەيتىش؛ (2) تارىخىي پاكىتلارنى ئومۇملاشتۇرۇش نۇقتىئىنەزەرى بىلەن چۈشەندۈرۈش ۋە تەھلىل قىلىش؛ (3) تارىخىي ئۆزگىرىشنى تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرى بىلەن كۆزىتىپ، ئىنسانىيەت تارىخىنى ئۈزۈلمەيدىغان ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى دەپ قاراش؛ (4) تارىخشۇناسلىقنىڭ رولى ئۇنىڭ بىزنىڭ ھازىرقىنى چۈشىنىشىمىز ۋە كەلگۈسىنى قىياس قىلىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىدا؛ (5) تارىخىي بىلىمدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتكە بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت. روبېنسون كولومبىيە داشۆسىدە كۆپ يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، تەسىرى بار ئىلمىي ئېقىمنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەزالىرى بېرىد، شودۋېل، خايېس (Carlton Joseph Huntley Hayes، 1882 — 1964)، موئون (Parker Thomas Moon، 1892 — 1936)، بارنېس (Harry Elmer Barnes، 1889 — 1968)، سارىندىكې (Lynn Thorndike، 1882 — 1965) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەزكۇر ئىلمىي ئېقىم ئامېرىكىنىڭ تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن ئالغان بولۇپ، كونا جۇڭگونىڭ تارىخشۇناسلىق ساھەسىگىمۇ خېلى تەسىر كۆرسەتكەن.

يېڭى تاش قوراللار دەۋرى

  • يېڭى تاش قوراللار دەۋرى[يەشمىسى:] ئارخېئولوگىيە بويىچە دەۋرگە ئايرىشتىكى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر باسقۇچى بولۇپ، تەخمىنەن 7 — 8 مىڭ يىلدىن بۇرۇن باشلانغان. ئىنسانىيەت تارىخىدا ئانا جەمەت ئۇرۇقداشلىق قەبىلىسىنىڭ ئاۋات دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە ئاتا جەمەت ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىگە ئۆتكەن. تاش قوراللاردىن كەڭ پايدىلانغان، راۋاج تاپقان ساپالچىلىقى بولغان ھەمدە توقۇمىچىلىقمۇ ۋۇجۇدقا كەلگەن. دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەيدانغا كەلگەن. تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەنبەلىرى بىرقەدەر ئىشەنچلىك بولغان، ئولتۇراقلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغان. 

يېڭى تۈزۈلگەن فامىلىلەر توپلىمى

  • يېڭى تۈزۈلگەن فامىلىلەر توپلىمى[يەشمىسى:] ياپونىيىدە پىڭئەن يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۈزۈلگەن جەمەت تەزكىرىسى. مىلادى 779يىلى (يەنلىنىڭ 18-يىلى) تېننو خىڭۋۇ (737 — 806) نىڭ پەرمانى بويىچە ھەرقايسى جەمەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان شەجەرىگە ئاساسەن، تېننو سوئې(786— 842) مەزگىلىدە شاھزادە ۋەندو (788 — 830) قاتارلىقلار تۈزگەن. 815-يىلى (خوڭرېننىڭ 6-يىلى) پۈتكەن، جەمئىي 30 توم. يەنە بىر توم مۇندەرىجىسى بار. پايتەخت رايونىدىكى ئوڭ-سول تەرەپ ھەمدە شەنچىڭ، شېجىڭ، خېنېي، خېچۇەندە ئولتۇرۇشلۇق 1182 جەمەتنىڭ شەجەرىسى خانلىق ئايرىمىسى، ئىلاھلىق ئايرىمىسى، ۋاسساللىقلار قاتارلىق ئۈچ تۈرگە ئايرىلغان. كېيىن باشقا فامىلىلەر قوشۇمچە قىلىنغان. بۇ قەدىمكى زاماندىكى ئۇرۇق ھەققىدىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى نۇسخىسى كۆچۈرۈلگەن نۇسخا.

يېڭى جەنۇبىي ئۇئېلىس ئامانلىقنى ساقلاش ئەترىتى

  • يېڭى جەنۇبىي ئۇئېلىس ئامانلىقنى ساقلاش ئەترىتى[يەشمىسى:] ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيىنىڭ يېڭى جەنۇبىي ئۇئېلىستىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرغان پىيادە ئەسكەرلەر شۆبە ئەترىتى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 1788-يىلى يېڭى جەنۇبىي ئۇئېلىسنى سۈرگۈن قىلىنغۇچىلارنى قاماپ قويىدىغان مۇستەملىكە رايونى قىلىشنى بەلگىلىگەندىن كېيىن، ئىككىنچى يىلى 300 ئادەم قوبۇل قىلىپ بۇ ئەترەتنى تەشكىللىگەن. بۇ ئەترەتتىكىلەر ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1790-ۋە 1792-يىللاردا تۇرۇشلۇق جايغا يېتىپ بارغان. 1792-يىلى 12-ئايدا، ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ قوماندانى، مايور گروسې(Francis Grose، 1754 — 1814) مۇۋەققەت باش ۋالىي بولۇپ، مەمۇرىي ئەمەلدار ئورنىغا ھەربىيلەر دەسسەپ، ئارمىيىنىڭ ئوزۇقلۇق ئاشلىقىنى كۆپەيتىپ بەرگەن، مۇنبەت يەرلەرنى ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى دوست-ئاغىنىلىرىگە بۆلۈپ بەرگەن. ئامانلىق ساقلاش ئەترىتى سوت مەھكىمىلىرىنى تىزگىنلىۋالغان، مۇستەملىكە رايونىدىكى شېكەر، چاي، ھاراق ۋە تاماكا سودىسىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ نارازىلىقى قوزغالغان. 1808-يىلى باش ۋالىي بلىگ (William Bligh، 1754 — 1871) ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ كۈچىنى چەكلىمەكچى بولغاندا ئىسيان كۆتۈرۈلگەن. 1809-يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بلىگنى باش ۋالىيلىقتىن ئېلىپ تاشلاش ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ماكچۇئارى (Macquari) نى يېڭى جەنۇبىي ئۇئېلىس مۇستەملىكە رايونىنىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلىگەن. 1810-يىلى ئامانلىق ساقلاش ئەترىتى ئەنگلىيىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن.

يېڭى رۇەن

  • يېڭى رۇەن[يەشمىسى:] ۋيېتنام كونا رۇەنگە مۇستەسنا، غەربىي رۇەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، شىسەندىكى رۇەن جەمەتى قۇرغان ھاكىمىيەتنى كۆرسىتىدۇ. «شىسەن قوزغىلىڭى» غا قاراڭ.

يېڭى رېين گېزىتى

  • يېڭى رېين گېزىتى[يەشمىسى:] تولۇق نامى «يېڭى رېين گېزىتى، دېموكراتىيىچىلەرنىڭ ئورگان گېزىتى». دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇر چىقىرىلغان ماركسىزملىق گېزىت. 1848-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنى كيولىندا رەسمىي تارقىتىلغان. ماركس باش تەھرىر بولغان، ئېنگېلس بۇ گېزىت ئۈچۈن نۇرغۇن مۇھىم ماقالە ۋە باش ماقالىلەرنى يېزىپ بەرگەن. بۇ گېزىت گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىنقىلابىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ئېنگېلس ئۇنى «ئىنقىلابىي يىللاردا گېرمانىيىنىڭ ئەڭ مەشھۇر گېزىتى بولۇپ قالغان» دېگەنىدى. لېنىنمۇ ئۇنى «ئىنقىلابىي پرولېتارىياتنىڭ ئەڭ ياخشى ئورگان گېزىتىدۇر» دېگەنىدى. شۇڭا بۇ گېزىت پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پاراكەندىچىلىكى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ تۇرغان. 1849-يىلى 5-ئايدا، ماركس پرۇسسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، باشقا تەھرىرلەرمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى قىزىل بوياق بىلەن ئەڭ ئاخىرقى بىر سان چىقارغاندىن كېيىن نەشىردىن توختىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 

يېڭى ستوئىكچىلار

  • يېڭى ستوئىكچىلار[يەشمىسى:] «ستوئىكچىلار» غا قاراڭ.

يېڭى سىياسەت

  • يېڭى سىياسەت[يەشمىسى:] ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلت ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۈزگەن سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇش پروگراممىسى. 1929-يىلى ئامېرىكىدا مىسلىسىز ئىقتىسادىي كرىزىس پارتلىغان. 1933-يىلى روزۋېلت زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، كرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى، 1933 — 1941-يىللاردا ئىلگىرى-ئاخىر ئىككى قارار يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئاساسلىق قانۇنلار ئىككى قارار باشلانغان ئىككى «100 كۈن» ئىچىدە تۈزۈلگەن. ئاساسىي مەقسەت: قۇتقۇزۇش (Relief)، قايتا گۈللەندۈرۈش (Racovery) ۋە ئىسلاھ قىلىش (Reform) تىن ئىبارەت بولۇپ قىسقارتىلىپ «ئۈچ R» دەپ ئاتالغان. «مەملىكەت بويىچە سانائەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش قانۇنى» ۋە «يېزا ئىگىلىكىنى تەرتىپكە سېلىش قانۇنى» ئەڭ ئاساسىي ئىككى قانۇن ھېسابلىنىدۇ. يېڭى سىياسەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى — پارچىلانغان مالىيە، پۇل مۇئامىلە سىستېمىلىرىنى يېڭىباشتىن ئورنىتىش، سودا-سانائەتنى كۆپلىگەن قەرز پۇل ۋە قوشۇمچە پۇل بېرىش يولى بىلەن قۇتقۇزۇش؛ دۆلەت مەبلىغىنى كۆپەيتىپ، شەخسلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىش، پۇل پاخاللىقى ئارقىلىق مال باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىش، تېرىلغۇ يەرنى قىسقارتىپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى يوقىتىپ، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش؛ جامائەت قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان خادىمنى كۆپەيتىپ، ئىجتىمائىي سېتىۋېلىش كۈچىنى قوزغاش؛ ئىشسىزلار ۋە قېرى، ئاجىز، مېيىپ ۋە بالىلارغا قۇتقۇزۇش بېرىش، گۆرۈگە قويۇلغان يەر مۈلكى ۋە ئۆي مۈلكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. تاشقى ئىشلار جەھەتتە، «ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتى» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان. فاشىست دۆلەتلەرگە پەيدىنپەي قاتتىق پوزىتسىيە تۇتقان. يېڭى سىياسەت ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. كاپىتالىستلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئىتى بەزى چەكلىمىگە ۋە زىيانغا ئۇچرىغان. يېڭى سىياسەتكە قارشى ھەرىكەت پات-پات بولۇپ تۇرغان. 1935 — 1936-يىللاردا ئالىي سوت مەھكىمىسى نۇرغۇن مۇھىم قانۇنلارنى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ دەپ ئېلان قىلغان. كېيىن خەلقئارا ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن، دۆلەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە يۆتكەلگەن. يېڭى سىياسەت بارا-بارا نەزەردىن چۈشكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، يېڭى سىياسەت ئاخىرلاشقان.

يېڭى شەرق سىياسىتى

  • يېڭى شەرق سىياسىتى[يەشمىسى:] گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى يولغا قويغان سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋروپاغا قاراتقان تاشقى سىياسەت. 1969-يىلى 10-ئايدا براند (Willy Brandt، 1913 — ؟) سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنى تەشكىل قىلغاندىن كېيىن يولغا قويۇشقا باشلىغان. براند شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنىڭ فېدېراتىپ گېرمانىيىسىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ تۈۋرۈكى ئىكەنلىكى، مۇشۇ شەرت ئاستىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، ئۇنى يەنىمۇ نورماللاشتۇرىدىغانلىقىنى؛ گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككىنچى گېرمانىيە دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى شۇنداقتىمۇ ئۇنى «چەت ئەل» دەپ قارىمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان، «بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت» بولۇپ، ئىككى گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ياۋروپادىكى «تىنچ شارائىت» تا دېموكراتىك گېرمانىيىگە قارىتا «يېقىنلىشىش يولى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئالغا سۈرۈش» چارىسىنى قوللىنىپ گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان.

يېڭى كارفاگېن

  • يېڭى كارفاگېن[يەشمىسى:]Garthago Nova) قەدىمكى ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەر. بىرىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرى 264 — 241) دىن كېيىن كارفاگېنلىقلار (شىمالىي ئافرىقىدا) دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئىسپانىيىنى ئىدارە قىلىۋالغان؛ مىلادىدىن 228 يىل ئىلگىرى، كارفاگېننىڭ قوماندانى خاسدرۇبا بۇ شەھەرنى سېلىپ، رىم بىلەن داۋاملىق ئۇرۇشىدىغان بازا قىلغان. بۇ شەھەردە ياخشى پورت بار بولۇپ، سودا ئىشلىرىغا قولايلىق، تېز تەرەققىي قىلىپ، غەربىي يەر ئوتتۇرا دېڭىزى بويىدىكى چوڭ شەھەرگە ئايلانغان. مىلادىدىن 218 يىل ئىلگىرى، گاننىبال بۇ يەردىن سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئىتالىيىگە ھۇجۇم قىلغان. بۇ، ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 218 — 201) نىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىلادىدىن 209 يىل ئىلگىرى، رىم سەردارى چوڭ سىپىئوس تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن رىم ئۇنى ئۇزاققىچە ئىدارە قىلغان ھەمدە رىم ئەمەلدارىنىڭ ئىسپانىيىنىڭ مەمۇرىي ئۆلكىلىرىنى باشقۇرۇشتىكى تۇرۇشلۇق جاي بولۇپ قالغان. بۇ يەرلەردىن چىققان كۈمۈش رىم دۆلىتىنىڭ مېتال پۇل قۇيۇشىغا يەتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئىمپېرىيە دەۋرىگە كەلگەندە يەنىلا ئاۋات بولغان، شەھەر ئىچىدە نۇرغۇنلىغان رىمچە ئىبادەتخانا ۋە قۇرۇلۇشلار بار. Ⅴ ئەسىردە غەربىي گوتلار بېسىپ كىرگەندە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

يېڭى گرانادا باش ۋالىيسىغا قاراشلىق رايون

  • يېڭى گرانادا باش ۋالىيسىغا قاراشلىق رايون[يەشمىسى:] ئىسپانىيە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەردە تەسىس قىلغان مەمۇرىي رايون. 1717-يىلى(1719-يىلى پىرو باش ۋالىيسىنىڭ باشقۇرۇش رايونىدىن ئايرىلىپ، رەسمىي مۇستەقىل بولغان) قۇرۇلغان.يېڭى گرانادا (بۈگۈنكى كولومبىيە)،كىتو(بۈگۈنكى ئېكۋاتور)، ۋېنسۇئېلا ۋە پانامالارنى باشقۇرغان. 1723-يىلى بىكار قىلىنغان. 1739-يىلى قايتا قۇرۇلغاندا، كىتو پىرو باش ۋالىيسىنىڭ باشقۇرۇش رايونىغا ئايرىلغاندىن باشقا، باشقۇرۇش دائىرىسى بۇرۇنقىدەك بولغان. ئۇ يەنە بىرقانچە رايون ۋە ئۆلكىلەرگە بۆلۈنگەن. 1777-يىلى يەنە ۋېنسۇئېلا گېنېرالىنىڭ باشقۇرۇش رايونى قۇرۇلغان. باش ۋالىي بوگوتادا تۇرغان. باش ۋالىينىڭ ھۆكۈمرانلىقى 1810-يىلى ئاياغلاشقان، 1819-يىلى قانۇن جەھەتتىن رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

يېڭى گرانادا شەھەر ئاھالىسى قوزغىلىڭى

  • يېڭى گرانادا شەھەر ئاھالىسى قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] 1781-يىلى يېڭى گرانادا شەھەر ئاھالىسى ئىسپانىيە مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرىشى. سوكوررو (Socorro) شەھەر ئاھالىسى 1781-يىلى 3-ئايدا ئىسپانىيە مۇستەملىكە ئەمەلدارلىرىنىڭ زورلۇق بىلەن تۈرلۈك ئالۋان-ياساق ئېلىشىغا غەزەپلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شەھەر مەمۇرىيىتىنى تاماكا بېجى يىغىشنى توختىتىشقا ھەمدە«كوممۇنا» ناملىق كومىتېت تەشكىل قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. قوزغىلاڭچى ئارمىيە يەرلىك ئاق تەنلىكلەردىن تەركىب تاپقان. كېيىن ئىندىئانلارنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇپ، تېزلىكتە زورىيىپ، تەسىرى سانتاندېر، بوياكا قاتارلىق ئۆلكىلەرگىچە كېڭەيگەن ھەمدە بوگاتاغا يۈرۈش قىلغان. 6-ئايدا مۇستەملىكە دائىرىلىرى پادىشاھلىق تاماكا پاتېنتىنى بىكار قىلىش ۋە باج-سېلىقنى كېمەيتىش يولى بىلەن قوزغىلاڭچى ئارمىيىنى ئۆزلۈكىدىن تارقىلىشقا ئالدىغان.8-ئايدا مۇستەملىكىچىلەر كېلىشىمنى يىرتىپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن، شەھەر ئاھالىلىرى يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. لېكىن ئىچكى قىسمىدا بۆلگۈنچىلىك يۈز بېرىپ، 10-ئايدا باستۇرۇلغان.

يېڭى گۇلف پارتىيىسى

  • يېڭى گۇلف پارتىيىسى[يەشمىسى:] ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىتالىيە گۈللىنىش ھەرىكىتىدىكى كاتولىك دىنى ئەركىنلىك تەرەپدارلىرى. ئۇلار ئوتتۇرا ئەسىردىكى گۇلف (Guelf) نىڭ نامىنى قوللىنىپ رىم ۋاتىكانىنى ئىتالىيە ئەركىنلىكىنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ ھېسابلىغان. دەسلەپتە ئەدەبىيات ئېقىمىنىڭ بىرى بولۇپ، كاتولىك دىنى ئەقىدىسىنى تەرەققىيپەرۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك ئىدىيىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى تەرغىپ قىلغان. 1843-يىلى گىيوبېرتى «ئىتالىيىلىكلەرنىڭ ئەخلاق ۋە جەمئىيەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى» دېگەن كىتابىنى ئېلان قىلىپ، مەزكۇر پارتىيىنىڭ سىياسىي پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ كاتولىك چېركاۋى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، رىم ۋاتىكانىنى يادرو قىلغان ئىتالىيە دۆلىتى ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان.1846-يىلى ئۆزىنى ئەركىنلىك تەرەپدارى دەپ كۆز-كۆز قىلغان پىئۇسⅨ پاپالىققا سايلىنىپ، مەزكۇر پارتىيە ئۇنى ھەرىكەت تۇغى دەپ قارىغان. كاتولىك راھىبلىرى، لىبېرال ئاقسۆڭەكلەر، بۇرژۇئازىيە ۋە بىر قىسىم پۇقرالارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1848-يىلدىكى ئىتالىيە ئىنقىلابىدا پىئۇسⅨ ئەكسىيەتچىل لاگېرغا ئاشكارا ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ پارتىيىنىڭ تەسىرى بارا-بارا يوقالغان.

يېڭىلمەس فلوت

  • يېڭىلمەس فلوت[يەشمىسى:] ئىسپانىيىنىڭ ئەنگلىيىگە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن قۇراشتۇرغان فلوتى. كاپىتالىزم تېز تەرەققىي تاپقان ئەنگلىيە ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ دائىم ئىسپانىيە مۇستەملىكىلىرى بىلەن ئەتكەس سودىسى قىلىپ،ئىسپانىيىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش توشۇۋاتقان كېمىلىرىنى بۇلاپ، ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكە تايانچ نۇقتىلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. ئىسپانىيە كورۇلى فىلىپⅡ چوڭ قوشۇن ئەۋەتىپ ئەنگلىيىگە يۈرۈش قىلىشنى قارار قىلغان.1588-يىلى 5-ئايدا كاتتا ئاقسۆڭەك مېدىناسىدونيا(Medina Sidonia، 1550 — 1615) باشچىلىقىدىكى يېڭىلمەس فلوت لېسابوندىن يولغا چىققان. مەزكۇر فلوت 130 ھەربىي كېمە ۋە ترانسپورت كېمىسىدىن 7000 كېمە خادىمى ۋە ماتروس، 23 مىڭ پىيادە ئەسكەردىن تەركىب تاپقان. 7-ۋە 8-ئايلاردا ئىنگلىز بوغۇزىدا ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، ئىنتايىن ئېغىر تالاپەت بەرگەن. كېيىن شوتلاندىيىدىن ئايلىنىپ مېڭىپ دۆلىتىگە قايتىشقا مەجبۇر بولغان. شوتلاندىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى دېڭىز قىرغىقىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋاتقاندا بوران چاپقۇنغا ئۇچراپ فلوت پۈتۈنلەي دېگۈدەك غەرق بولۇپ كەتكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەنگلىيە ئىسپانىيىنىڭ دېڭىز زومىگەرلىك ئورنىغا دەسسىگەن.

يېڭى نەمۇنىلىك ئارمىيە

  • يېڭى نەمۇنىلىك ئارمىيە[يەشمىسى:] ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىكى ئىنقىلابىي ئارمىيە. كرمېۋىلنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، 1645-يىلى پارلامېنت ئارمىيىسىدىن بىر تۇتاش تەشكىل قىلىنغان. كرمېۋىلنىڭ ئاتلىق ئارمىيىسى ئاساسىي كۈچ قىلىنغان. ئۇنىڭغا فايرفاكىس (Thomas Fairfax، 1612 — 1671) باش قوماندان بولغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كرمېۋىل رەھبەر بولغان. 600 كىشىلىك ئاتلىقلار پولكىدىن 11، 1200 كىشىلىك پىيادە ئەسكەرلەر پولكىدىن 12، 1000 كىشىلىك ئەجدىھا ئاتلىق پولكىدىن بىر بولۇپ، جەمئىي 22 مىڭ كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. كېيىن يەنە توپچىلار قىسمىنى قۇرغان ھەمدە ياخشى تەمىنات تۈزۈمىنى ئورناتقان. جەڭچىلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلار بولۇپ، مۇستەقىللىك تەرەپدارلىرىغا مايىل بولغان. باراۋەرلىك تەرەپدارلىرىنىڭ كۈچىمۇ خېلى زور. ئۇلارنىڭ جەڭ قىلىش مەقسىتى ئېنىق، ئىنقىلابىي قىزغىنلىقى ئۈستۈن، ئىنتىزامى چىڭ، جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك ئىدى. قايتا تەشكىل قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ناسېبىي جېڭىدە ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بەلگىلەيدىغان غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن ھەمدە ئاخىرقى ھېسابتا پادىشاھلىق ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 1649-يىلى باراۋەرلىك تەرەپدارلىرى ۋە يەر قازغۇچىلارنى باستۇرغاندىن كېيىن بۇرژۇئازىيە ۋە چوڭ پومېشچىكلارنىڭ دىكتاتۇرا قورالىغا ئايلىنىپ قالغان.

يېڭى ئوسمان جەمئىيىتى

  • يېڭى ئوسمان جەمئىيىتى[يەشمىسى:] يېڭى ئوسمان پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى تۈركىيىدىكى مەخپىي سىياسىي تەشكىلات. بۇ تەشكىلاتنى 1865-يىلى 5-ئايدا نامىق كامال ئىستانبولدا قۇرغان. ئەزالىرىنىڭ كۆپچىلىكى زىيالىيلار، سودىگەرلەر ۋە ئوفىتسېرلاردىن ئىبارەت. ئۇلار ئۆزلىرىنى يېڭى ئوسمانچىلار دەپ ئاتىۋالغانلىقى ئۈچۈن بۇ تەشكىلات يېڭى ئوسمان جەمئىيىتى دەپ ئاتالغان. ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان، ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلغان. يۇقىرى قاتلامدا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىش ئارقىلىق سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1876-يىلى ئاممىۋى كۈرەشنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، سۇلتان ئابدۇل ئەزىزنى ئاغدۇرغان. جەمئىيەتنىڭ رەھبىرى مىدھەت ۋەزىر بولۇپ، تارىختىكى تۇنجى ئاساسىي قانۇننى تۈزۈپ چىققان. 1877-يىلى ئابدۇل ھامىد Ⅱ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى قولغا ئېلىنغان، قاماققا تاشلانغان ياكى سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇر بولغان، تەشكىلاتمۇ پارچىلانغان. 

يېڭى ھەمكارلىق كەنتى

  • يېڭى ھەمكارلىق كەنتى[يەشمىسى:] ئىنگلىزچە نېۋ خارمونىي (New Harmony). ⅩⅨ ئەسىردە ئەنگلىيىنىڭ خىيالىي سوتسىيالىزمچىسى ئوۋېن ئوتتۇرىغا قويغان غايىۋى جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنىڭ تەجرىبە-ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىدىكى كوممۇنىسى. 1824-يىلى ئوۋېن ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئىندىيانا شتاتىغا بېرىپ 30 مىڭ ئىنگلىز مو يەر ۋە قۇرۇلۇشلارنى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ كوممۇنا لايىھىسىنى سىناق قىلغان. «<يېڭى ھەمكارلىق> كوممۇنىسىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، كوممۇنىنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى — بارلىق ئەزالارنى ئەقلىي، ئەڭ ياخشى ئەخلاقىي ۋە جىسمانىي تەربىيە ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش؛ مال-مۈلۈك ئومۇمنىڭ ئىختىيارىدا بولۇش، كوللېكتىپ ئەمگەك قىلىش؛ ھەر كىم قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەش، يېشىغا قاراپ گۇرۇپپىغا ئايرىش، ھەربىر كىشىنى ئوخشاش مەھسۇلات ۋە تەربىيىگە ئىگە قىلىش؛ دېھقانچىلىق، سانائەت، سودا ۋە مائارىپنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، 500 كىشىدىن 3000 كىشىگىچە چەكلەش؛ دائىمىي رەھبىرىي ئورگان بولۇش، ئالىي ھوقۇق بارلىق ئەزالار يىغىنىدا بولۇشتىن ئىبارەت. بۇ تەجرىبىگە 1000 ئادەم قاتناشقان. ئۇ، ئامېرىكا ۋە غەربىي ياۋروپانىڭ كەڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان. 1828-يىلى تەجرىبە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. ئوۋېن ئىككىنچى يىلى ئەنگلىيىگە قايتقان. شۇ چاغدا ئىشچىلار ھەمكارلىق پىلانىنى پائال يولغا قويغان بولۇپ، لوندون ۋە ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە تەخمىنەن 300 ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولغان، 1832-يىلىغا كەلگەندە، كۆپىيىپ 400 — 500 گە يەتكەن. 1832 — 1834-يىللاردا كوممۇنا تۈزۈمىگە ئۆتۈش ئۈچۈن، ئوۋېن ئەنگلىيىدە ئىككى چوڭ ئىجتىمائىي تەجرىبە ئېلىپ بارغان: ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ھەمكارلىق زاۋۇت قۇرغان؛ ئوبوروت ساھەسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ئەمگەكنى ئادىل ئايرىۋاشلاش بازىرىنى قۇرغان. لېكىن يەنىلا مەغلۇپ بولغان. 1839-يىلى ئوۋېن ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە ئەنگلىيىنىڭ خامپ ۋىلايىتىدىكى كېنۋۇد دېگەن يەردە بىر يېڭى ئۈلگىلىك كوممۇنا تەشكىللەپ، ئۇنىڭغا «ھەمكارلىق بىناسى» (ياكى خانىكە ئورمانلىقى يېڭى كەنتى) دەپ نام بەرگەن. 1845-يىلى ئۇمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان. 

يېڭى ۋەتەن پارتىيىسى

  • يېڭى ۋەتەن پارتىيىسى[يەشمىسى:] يەنى «ۋەتەن پارتىيىسى».

يېڭى ئېرا

  • يېڭى ئېرا[يەشمىسى:] تارىخ يىلىنى ھېسابلايدىغان تۇنجى يىل. دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر مىلادى تۇنجى يىلىنى (خرىستوس تۇنجى يىلى) قوللىنىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن بۇرۇن ھەرقايسى ئەللەر ئوخشاش بولمىغان تۇنجى يىللارنى قوللىنىپ كەلگەن: ئەرەبلەر مىلادى 622-يىلىنى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان كۆچكەن ۋاقتىنى) تۇنجى يىل قىلىپ بەلگىلىگەن؛ يۇنانلىقلار مىلادىدىن 776 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتنى (تۇنجى قېتىملىق ئولىمپىك ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىنى)تۇنجى يىل قىلىپ بەلگىلىگەن؛ رىملىقلار مىلادىدىن ئىلگىرى 754 — 753 يىللار (رىم شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشى) نى ياكى كونسۇللارنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ۋاقتىنى تۇنجى يىل قىلىپ كەلگەن،مىلادى 284-يىلىدىن كېيىن ئۆزگەرتىپ رىم ئىمپېراتورى دىېئوكلىتئاننى تۇنجى يىل قىلىپ ئىشلەتكەن. «مىلادى» ماددىسىغا قارالسۇن. 

يېڭى ئىسپانىيە باش ۋالىيسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايون

  • يېڭى ئىسپانىيە باش ۋالىيسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايون[يەشمىسى:] ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەردە تەسىس قىلغان مەمۇرىي رايونى 1535-يىلى قۇرۇلغان. دائىرىسى شىمالىي ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئامېرىكا، غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدىكى ئىسپانىيىگە قاراشلىق مۇستەملىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمدە 1568-يىلى ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى گۋاتىمالانى باشقۇرىدىغان گېنېرالغا قاراشلىق رايون ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان. ۋېنسۇئېلا ۋە فىلىپپىنمۇ بىر مەھەل مۇشۇ باشقۇرۇش رايونىغا تەۋە بولغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ چىقىلغان. باش ۋالىي تۇرۇشلۇق جايى مېكسىكا شەھىرىدە بولغان. 1821-يىلى رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

يېڭى ئىسكراچىلار

  • يېڭى ئىسكراچىلار[يەشمىسى:] لېنىن چىقارغان «ئىسكرا گېزىتى» نىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان مېنشېۋىك ئاغمىچىلىق مەزھىپىنىڭ نامى. «ئىسكراچىلار» غا نىسبەتەن ئېيتىلغان. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ 2-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن مېنشېۋىكلار پارتىيىگە قارشى گۇرۇھۋازلىق ھەرىكىتىنى تېزلەتكەن. ئۇلار پلېخانوپنىڭ ياردىمى بىلەن «ئىسكرا گېزىتى» نى تىزگىنلەپ، 1903-يىلى 11-ئايدا لېنىن چىقارغان «ئىسكرا گېزىتى» (52-ساندىن كېيىنكىسى) نى مېنشېۋىكلارنىڭ ئورگان گېزىتى قىلىۋېلىپ، ئاغمىچىلىق كۆز قارىشىنى تەشۋىق قىلىپ، لېنىن ۋە لېنىنىزمغا ھۇجۇم قىلىپ، بولشېۋىكلارغا قارشى تۇرغان. تاكى 1905-يىلى 10-ئايغىچە چىقىرىلغان. لېنىننىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى بولشېۋىكچە كونا «ئىسكرا گېزىتى» دىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدە مېنشېۋىكلەر ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان «ئىسكرا گېزىتى» «يېڭى ئىسكرا گېزىتى» دەپ ئاتالغان. 

يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەت

  • يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەت[يەشمىسى:] سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1921 — 1936-يىللىرى يولغا قويۇلغان ئىقتىسادىي سىياسەت. ئۇرۇش ۋاقتىدىكى كوممۇنىستىك سىياسەتتىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇشۇنداق نام قويۇلغان. بۇنىڭدا تاۋار بىلەن پۇلنىڭ مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، شەھەر بىلەن يېزا ئىقتىسادىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىشچى-دېھقانلار ئىتتىپاقىنى مۇستەھكەملەپ، سانائەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادقا ئۇل سېلىشنى مەقسەت قىلغان. سوۋېت ئىچكى ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، 1921-يىلى ئەتىيازدا، روسىيە كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار)نىڭ 10-قۇرۇلتىيىدا قارار قوبۇل قىلىنىپ: ئاشلىقنى بېجىنى ئارتۇق ئاشلىق سېتىۋېلىش تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، باج تاپشۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئارتۇق ئاشلىقنى دېھقانلار ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىش، شەخسنىڭ سودا قىلىشىغا ۋە كىچىك كارخانا ئېچىشىغا يول قويۇش، ئىجارىگە بېرىش، ئىجارىگە ئېلىش تۈزۈمىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بەلگىلەنگەن. كۆپ خىل ئىگىلىك تەركىبى تەڭ مەۋجۇت بولغان، بەلكى ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن شارائىتتا، ئۇ دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىغان، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشى ۋە سوتسىيالىستىك سانائەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولغان. گەرچە كاپىتالىستىك تەسىر كۈچلەرنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن پرولېتارىيات دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي جان- تومۇرىنى ئىگىلەپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا كاپىتالىزم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. 1936-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتنىڭ سانائەتلىشىشىنى ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ كوللېكتىپلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان. لېنىننىڭ «يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەت يۈرگۈزگەن روسىيە سوتسىيالىستىك روسىيىگە ئايلىنىدۇ» دېگەن ئالدىنئالا ھۆكۈمى رېئاللىققا ئايلانغان.

يېڭى ئىنسان

  • يېڭى ئىنسان[يەشمىسى:]Neoanthropus) پاراسەتلىك، ئەقىللىق ئادەم (Homo Sapiens) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى كىشىلەر باسقۇچىدىن كېيىنكى ئىنسانىيەت. ئۇ، كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى تاشقا ئايلانغان ئىنسانىيەت — گرو-ماگنون كىشىلىرىدىن تارتىپ ھازىرقى زامانغىچە بولغان ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياشىغان ۋاقتى تەخمىنەن 100 مىڭ يىل. تاشقا ئايلانغان بېجىرىم يېڭى ئىنسان 1868-يىلى ئالدى بىلەن فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى گرو-ماگنون (Magnon-Gro) ئۆڭكۈرىدىن تېپىلغان. شۇڭا ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇشۇ باسقۇچى يەنە گرو ئادەملىرى باسقۇچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: بويى ئېگىز، قول-پۇتىنىڭ ئىلىك بوشلۇقى چوڭراق، سۆڭەكلەرنىڭ قىرى كۆرۈنەرلىك؛ باش سۆڭىكى ئېگىز ھەم ئۇزۇن، پېشانىسى تىك، قاش قىرى ئاجىزراق، يۈزى كەڭ، كۆز چانىقى پەس ھەم قىسقا، قاڭشىرى تار ۋە ئېگىز، مېڭە سىغىمچانلىقى چوڭ بولۇپ، تەخمىنەن 1300 — 1450 مىللىلىتر كېلىدۇ. كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى يېڭى ئىنسانلار خېلى يۇقىرى ئەمگەك تېخنىكىسىغا ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە. تاش قورال ياساش تېخنىكىسى يۇقىرى، قورال شەكىللىرىمۇ كۆپ. سۆڭەكلەردىن ياسالغان قوراللار ئەپچىل. ئۇلار رەسىم سىزىش، نەققاشلىق قاتارلىق سەنئەتلەرگە قىزىققان. يىغىش ۋە ئوۋلاش تىرىكچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان. تاشقا ئايلانغان يېڭى ئىنسان ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئوكيانىيە قاتارلىق جايلاردىنمۇ تېپىلغان.

يېڭى يەر ئېچىش

  • يېڭى يەر ئېچىش[يەشمىسى:] ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ياپونىيىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى كېڭەيتىش تەدبىرى. تويوتومى خىدېكىچى يەرلەرنى تەكشۈرگەندە، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى موروماچى شوگنات مەزگىلىگە قارىغاندا 40 پىرسەنت كۆپەيگەن. ئېدونىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە توكوگاۋا شوگناتى ۋە ھەرقايسى ۋاسسال بەگلىرى چوڭ دەريا ۋادىسىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەر ئاچقان. 1612-يىلى (چىڭچاڭنىڭ 17-يىلى) كانتو يەرلىك ئەمەلدارى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چىقارغان. باشقا جايلارمۇ ئۇنىڭغا تەقلىد قىلغان. 1722-يىلى (شياڭباۋنىڭ 7-يىلى) شوگنات بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنى ئاشكارا مۇكاپاتلىغان. 1726-يىلى (شياڭباۋنىڭ 11-يىلى) يەرلەرنى تەكشۈرۈش نىزامىنى ئېلان قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئۇنى ئومۇملاشتۇرغان. ئەسلىدىكى تېرىلغۇ يەرلەردىن ئېچىلغانلىرى «يېڭىدىن قوشۇلغان يەرلەر» دەپ، يېڭى ئۆزلەشتۈرۈلگەن بوز يەرلەر «يېڭى بەرپا قىلىنغان يەرلەر» دەپ ئاتالغان. بوز يەرلەرنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاچقاندىن تاشقىرى يېزا-كەنتلەر ئىلتىماس قىلىپ ئاچقان، باي سودىگەرلەر ھۆددىگە ئېلىپ ئاچقان. ئېدو دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىنام يەر ئېچىشقا كىرىشكەن. يېڭى ئېچىلغان يەردىن ئۈچ يىل باج كەچۈرۈم قىلىنغان. ئاندىن پەيدىنپەي ئىجارە ئېلىنغان.

يېڭى ياكوبىنچىلار

  • يېڭى ياكوبىنچىلار[يەشمىسى:] ⅩⅨ ئەسىردە فرانسىيىدىكى ئۇششاق بۇرژۇئا دېموكراتىيىچىلىرى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلىرىنىڭ مەزھەپ تەشكىلاتى. ئۇلار ئۆزلىرىنى 1793 — 1794-يىللاردىكى ياكوبىنچىلارنىڭ ۋارىسى دەۋالغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى، تۈرلۈك دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە دەھرىي مائارىپىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. بىراق پرولېتارىياتنىڭ سىنىپىي كۈرىشى، سوتسىيالىستىك ئىدىيىسى ۋە بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قارىتا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەكىلىدىن دېلېسكلۇزې، پېئا ۋە گامبان قاتارلىقلار بار. پارىژ كوممۇنىسى دەۋرىدە بلانكىزمچىلار بىلەن بىللە كۆپ سانلىقلار بولۇپ ئۇيۇشقان ھەمدە مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇنىڭ تەسىرى كېيىنكى كۈنلەردە بارا-بارا يوقىلىپ كەتكەن.

يېلاچىچ

  • يېلاچىچ[يەشمىسى:]Joseph Jeleacich، 1801 — 1859) كىرودىيە گېنېرالى، گراف. 1819-يىلى ۋېنا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئاۋسترىيە ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن.1841-يىلى پولكوۋنىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1848-يىلى گېنېراللىققا ئۆستۈرۈلگەن. كىرودىيە مىللىي ھەرىكىتى ئەۋج ئالغاندىن كېيىن ھەرىكەتكە قاتنىشىپ،ئوڭ قاناتلارغا تەۋە بولغان.1848-يىلى ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باش ۋالىي قىلىپ تەيىنلىنىپ، كىرودىيىدىكى ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلغان. 4-ئايدا يانچىلارنىڭ بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش خىتابنامىسىنى ئېلان قىلىپ، پومېشچىكلارنىڭ ئەرز-شىكايەت تەرتىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى كىرودىيىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە تەلىپىنى رەت قىلغان چاغدا، ئاۋسترىيە خاندانلىقى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلگەن. 9-ئايدا 40 مىڭ كىشىلىك كىرودىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ دراۋا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ۋېنگرىيە ئىنقىلابى ۋە ۋېنا ئۆكتەبر قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە كىرودىيە دېھقانلار ھەرىكىتىنى ئۇجۇقتۇرۇپ، ھابىسبورگ خاندانلىقىنىڭ مىللىي زۇلۇم سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان.

يېلوي رۇڭ تەيلاڭ (نوروسې تارا)

  • يېلوي رۇڭ تەيلاڭ (نوروسې تارا)[يەشمىسى:]1900 — 1934) ياپونىيىلىك ئىقتىسادشۇناس. چىڭيىڭ ھەقسىز مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. دەسلەپ سانائەت ئەمگىكى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان. كېيىن پرولېتارىيات پەن تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1930-يىلى 1-ئايدا ياپونىيە كومپارتىيىسىگە قاتناشقان. 1932-يىلى 12-ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1933-يىلى 5-ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولغان. شۇ يىلى 11-ئايدا قولغا ئېلىنغان. ياندۇرقى يىلى 2-ئايدا ئاغرىپ ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ «ياپونىيىدە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىش تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. كېيىن «يېلوي رۇڭ تەيلاڭ ئەسەرلىرى» دىن ئىككى توم چىقىرىلغان.

يېنا جېڭى

  • يېنا جېڭى[يەشمىسى:] 1806-يىلى ناپولېئون پرۇسسىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان جەڭ. تۆتىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق مەزگىلىدە،ناپولېئون 1806-يىل 10-ئاينىڭ 8-كۈنى ئارمىيىسىنى باشلاپ پرۇسسىيىنىڭ ئىتتىپاقداش شتاتى ساكسونىيىگە بېسىپ كىرگەن ھەمدە تېزلىكتە شىمالغا ئىلگىرىلەپ، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى يېتىپ كېلىشتىن ئاۋۋال ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلماقچى بولغان. 14-كۈنى يېنا (Jena، ھازىرقى گېرمانىيە چېگرىسى ئىچىدە) دا گېرتسوگ خوخېنلوخ (Hohenlohe) باشچىلىقىدىكى پرۇسسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلغان. ناپولېئون باشچىلىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسى پرۇسسىيە ئارمىيىسىنىڭ 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى تارمار قىلغان. شۇ كۈنى مارشال داۋۇت (Davout، 1770 — 1823) مارشال باشچىلىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسى ئائۇئېرستاد (Auerstadt) دا گېرتسوگ برانشىۋېك (Brunsvick) باشچىلىقىدىكى پرۇسسىيە ئارمىيىسىنىڭ يەنە بىر ئاساسىي كۈچىنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ قېتىمقى جەڭ پرۇسسىيىنى ھەربىي جەھەتتە ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان.

يېننى ماركس

  • يېننى ماركس[يەشمىسى:]Jenny Marx، 1814 — 1881) ماركسنىڭ رەپىقىسى، ياردەمچىسى ۋە سەپدىشى. پرۇسسىيىنىڭ ۋېستىفالېن (Westphalen) دېگەن يېرىدىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان.1843-يىلى 6-ئايدا ماركس بىلەن توي قىلىپ، «ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان، جاپا-مۇشەققەتتە، كۈرەشلەردە بىللە بولىدىغان» تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغان ۋە يۈكسەك قىزغىنلىق بىلەن ماركسنىڭ ئىنقىلابىي خىزمىتىگە ياردەملەشكەن. تۇرمۇش قۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوغلىشى ئارقىسىدا ماركس بىلەن بىللە پارىژغا كۆچۈپ بارغان. كېيىن كەينى-كەينىدىن بريۇسسېل، لوندون قاتارلىق جايلارغا قېچىپ بېرىپ، جاپالىق سەرگەردانلىق تۇرمۇش كەچۈرگەن. 1848-يىلى فرانسىيە فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، بېلگىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىر مەھەل قامالغان. 1871-يىلى پارىژ كوممۇنىسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن لوندوندا تولۇپ تاشقان شىجائەت ۋە قىزغىنلىق بىلەن سەرگەردان كوممۇنا ئەزالىرىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشلىگەن. ئېنگېلس ئۇنى «ئېسىل پەزىلەتلىك ئايال» دەپ مەدھىيىلىگەن.

يېۋرېيلار

  • يېۋرېيلار[يەشمىسى:]Hebrews) ئىسرائىللار ياكى يەھۇدىيلارنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى. ھاپىرۇلارنىڭ بىر تارمىقى (سەمېت ]سام[ تىل سىستېمىسىغا مەنسۇپ). «تەۋرات» تىكى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئاۋرائام (ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام) يېۋرېيلارنى باشلاپ مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىن (ئۇر شەھىرىدىن) پەلەستىنگە كۆچۈپ كەلگەنىكەن. پەلەستىننىڭ ئەسلىدىكى ئاھالىسى بولغان كەنئانلىقلار ئۇلارنى «يېۋرېيلار» دەپ ئاتىغان، بۇنىڭ مەنىسى «ئۇ قىرغاقتىن كەلگەنلەر» دېگەن بولىدىكەن. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېۋرېيلار كەنئانلار بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇش قىلىپ، ئاخىر پەيدىنپەي بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا پەلەستىنلىكلەرگە قارشى كۈرەش داۋامىدا ئىسرائىلىيە-يەھۇدىيە پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلىپ، ئېرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئارقا-ئارقىدىن ئاسسۇرىيە، يېڭى بابىلون، ماكىدونىيە، رىم ئىمپېرىيىسى قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر تەرىپىدىن بېقىندۇرۇۋېلىنغان. ئىچكى جەھەتتىكى باي ۋە كەمبەغەلگە بۆلۈنۈش ۋە يات مىللەتلەرنىڭ قۇل قىلىشىغا قارشى كۈرەش قىلىش داۋامىدا، تەڭرى يەھۋاغا چوقۇنۇشتىن ئىبارەت بىر خۇدالىق دىنى شەكىللەنگەن. Ⅰ، Ⅱ ئەسىرلەردە رىم ئىمپېرىيىسىگە قارشى كەڭ كۆلەمدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بۇ قوزغىلاڭلار ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇلغانلىقتىن، ئۇلار ياقا يۇرتلارغا مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان؛ دەسلەپ كىچىك ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا ۋە ياۋروپالارغا تاراپ كەتكەن. يېقىنقى زامانغا كەلگەندە يەنە ئامېرىكا قىتئەسى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا داۋاملىق تارقىلىپ تۇرغان. «پەلەستىن(قەدىمكى زامان)» غا قاراڭ. 

يىپەك يولى

  • يىپەك يولى[يەشمىسى:] قەدىمكى زامانلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيانى كېسىپ ئۆتۈپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا تۇتىشىدىغان بۈيۈك كارۋان يولى. مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى 1000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە جۇڭگونىڭ يىپىكى ۋە يىپەك توقۇلمىلىرى مۇشۇ يول ئارقىلىق ياۋروپاغا توشۇلغانلىقى ئۈچۈن «يىپەك يولى» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاساسىي لىنىيىسى تۆۋەندىكىچە: شەرقتە جۇڭگونىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى ۋېيشۈي ۋادىسىدىن باشلىنىپ، غەربكە قاراپ خېشى كارىدورىدىن ئۆتۈپ دۇڭخۇاڭغا بارىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنكى شىنجاڭدىكى تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى يول بىلەن سۇللاغ (قەشقەر) ئارقىلىق پامىر تاغلىرىدىن ئۆتۈپ پەرغانە ۋە سوغدىيانىنىڭ جەنۇبى (بۈگۈنكى سەمەرقەند ئەتراپلىرى) غا بارغىلى بولاتتى ياكى بۈگۈنكى شىنجاڭدىكى تارىم دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى يول بىلەن يەركەن ئارقىلىق پامىر تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، ئامو دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى ئېقىنلىرى (بەلخ، ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا) بويلاپ غەربكە بارغىلى بولاتتى. بۇ ئىككى يول مەرۋى شەھىرى (ھازىرقى تۈركمەنىستاندىكى مارى) دە قوشۇلۇپ، يەنە داۋاملىق غەربكە قاراپ سوزۇلۇپ دامغان (بۈگۈنكى كاسپى دېڭىزىنىڭ شەرقىيجەنۇبىدا)،ھەمەدان(بۈگۈنكىئىراندا)، كىتېسفون (باغداد ئەتراپىدا) لاردىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئېفرات دەرياسىنى بويلاپ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى سېلېۋكىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئانتاكىيە شەھىرى (ھازىرقى تۈركىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا) گە باراتتى. پۈتۈن يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7000 كىلومېتردىن ئارتۇق بولۇپ، قەدىمكى زاماندىكى ئەڭ ئۇزۇن قۇرۇقلۇق يولى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يولنىڭ بىر تارمىقى تىيانشان تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ ئىلى ۋادىسى ئارقىلىق غەربكە سوزۇلىدۇ. يەنە بىر تارماق لىنىيىسى قەشقەردىن بەلخ شەھىرىگە ياكى مەرۋى شەھىرىدىن بەلخ شەھىرىگە بېرىپ، ئاندىن ھىندى دەرياسىنى بويلاپ دېڭىز يولىغا تۇتىشىدۇ. جۇڭگونىڭ تاۋار-دۇردۇنلىرى مانا مۇشۇ كارۋان يولى بىلەن غەربىي ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقىلارغا زور مىقداردا توشۇلغان. قەدىمكى يۇنانلار ۋە رىملىقلار جۇڭگونى «سېرىس» (Serice) — «يىپەك ئېلى» دەپ ئاتىغان. يىپەك يولى جۇڭگونىڭ ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا غايەت مۇھىم رول ئوينىغان.

يىپسىمان يېزىق

  • يىپسىمان يېزىق[يەشمىسى:] قەدىمكى ئېگېي مەدەنىيىتى رايونىدا بارلىققا كەلگەن يىپسىمان يېزىق. يېزىق بەلگىسى سېغىز تاختىغا پاتۇرۇپ چىقىرىلغان، قاچىلاش ئەسۋابلىرىغا ئويۇپ چىقىرىلغان. ئارخېئولوگلار كرېت ئارىلىدىكى كىنوس ئوردىسى، پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى (جەنۇبىي يۇنان) دىكى پېلوس، مىكېناي ۋە تىرېنىس قاتارلىق جايلاردىن تاپقان. ئالىملار يىپسىمان يېزىقنىڭ مەنبەسى ۋە دەۋرىگە ئاساسەن «يىپسىمان يېزىق A» ۋە «يىپسىمان يېزىق B» دەپ ئىككى خىلغا بۆلگەن. قارىغاندا، ئالدىنقىسى كرېت ئارىلىدا بارلىققا كەلگەن، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅦ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅣ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىشلىتىلگەن؛ كېيىنكىسى تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅤ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅻ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا تارقالغان. پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىدىكى مىكېنايدىن تېپىلغان. كرېت ئارىلىدىكى كنوستىن تېپىلغان «يىپسىمان يېزىق B» شەكىللىك يېزىق ئاكايالارنىڭ بىر مەھەل كرېتقا بېسىپ كىرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارالماقتا؛ «يىپسىمان يېزىق B» شەكىللىك يېزىق 1952-يىلى ئەنگلىيە ئالىمى ۋېنترىس ۋە چادۋىك (J. Chadwick) تەرىپىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يېشىلىپ، يۇناننىڭ قەدىمكى تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن كۆپلىگەن قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى (پېلوس قاتارلىق جايلاردىكى لاي تاختىلاردا كۆپلىگەن ئىقتىسادىي ماتېرىياللار ساقلىنىپ قالغان).

يىجىڭ سوۋېت ھەرىكىتى

  • يىجىڭ سوۋېت ھەرىكىتى[يەشمىسى:] يىئەن — خېجىڭ سوۋېت ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋيېتنامنىڭ ئوتتۇرا رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت قۇرۇش ھەرىكىتى.1930-يىلى 1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا، بيەنشۈي سەرەڭگە زاۋۇتىدىكى ئىشچىلار كومپارتىيىنىڭ تەشكىللىشى ۋە رەھبەرلىك قىلىشى ئارقىسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، «ئىش ۋاقتى ئازايتىلسۇن!»، «باج ئازايتىلسۇن!»، «ئاق تېررورلۇققا قارشى تۇرايلى!» دېگەن شوئارلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فرانسىيە-ۋيېتنام ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زۇلمىغا ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشىغا قارشى تۇرغان. بۇ ھەرىكەت يىئەن، خېجىڭ ئۆلكىلىرىدىكى يېزا-كەنتلەرگىچە تېز كېڭىيىپ، 9-ئايدا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن ھەمدە راۋاجلىنىپ قوراللىق قوزغىلاڭغا ئايلانغان. ئىككى ئۆلكىدىكى يۈنتەن، شىڭيۈەن، شياڭشەن، يىلۇ قاتارلىق ناھىيىلەردە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى كەينى-كەينىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. شۇ يەردىكى دېھقانلار ئىشچىلار بىلەن بىرلىشىپ، قوغدىنىش ئەترەتلىرىنى تەشكىللەپ، سوۋېتچە يەرلىك ئىشچى-دېھقان ئىنقىلابىي ھاكىمىيىتى قۇرۇپ، بەزى دېموكراتىك ئىسلاھاتلارنى دەسلەپكى قەدەمدە ئېلىپ بارغان.1931-يىلى فرانسىيە-ۋيېتنام ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ بىرلىشىپ باستۇرۇشى ئارقىسىدا مەغلۇپ بولغان. لېكىن شۇنىڭ بىلەن ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ۋيېتنام ئىنقىلابىدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلەنگەن.

يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتىنىڭ سوت قىلىشى

  • يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتىنىڭ سوت قىلىشى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى ياپونىيە باش ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان خەلقئارا ھەربىي سوت. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، 1946-يىل 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر يىراق شەرق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسىنىڭ ئالىي قوماندانىغا پەۋقۇلئاددە ئومۇمىي ئېلان چىقىرىپ، جۇڭگو، سوۋېت، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق 11 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوت مەھكىمىسىنى تەشكىللەپ، توكيودا ياپونىيە باش ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوراققا تارتىشنى جاكارلاش ھوقۇقىنى بەرگەن.1946-يىل 5-ئاينىڭ 3-كۈنى سوت قىلىش باشلىنىپ، 1948-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 25 نەپەر جاۋابكار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغان. بۇنىڭ ئىچىدە: تۇجۇ خىدېكى، خىرو تاكوكى قاتارلىق يەتتە كىشىگە دارغا ئېسىش جازاسى، كىتو كونچى، كوئىسوكۇنىئاكى قاتارلىق 16 كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى، توگو شىگېنورىيغا 20 يىللىق قاماق جازاسى، شىگېمتۇماموروغا يەتتە يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلىنغان يەتتە جىنايەتچىگە بېرىلىدىغان جازا 1948-يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈنى توكيودىكى چياۋيا تۈرمىسىدە ئىجرا قىلىنغان. قالغان سولاقتىكى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىدىن كېسەل بولۇپ ئۆلگەنلىرىدىن باشقىلىرىنى 1950-يىلىدىن باشلاپ مۇددىتى توشماستىن قويۇپ بەرگەن. بۇ قېتىمقى سوراق قىلىش خىزمىتىنى ئامېرىكا ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان بولۇپ، تاجاۋۇزغا ئۇچرىغۇچى بارلىق دۆلەت خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلالمايتتى.

يىراق شەرق ميۇنخېنى

  • يىراق شەرق ميۇنخېنى[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ جۇڭگونى قۇربان قىلىش ھېسابىغا، ياپونىيە بىلەن مۇرەسسە قىلىش سۇيىقەستى. 1938-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ، جۇڭگونىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى ستراتېگىيىلىك مۇداپىئەلىنىش باسقۇچىدىن ستراتېگىيىلىك تىركىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان، ياپونىيە جاھانگىرلىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارىتا سىياسىي تەسلىم بولۇشقا قىزىقتۇرۇش پائالىيىتىنى جىددىيلەشتۈرگەن. ئەنگلىيە، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىمۇ جۇڭگو بىلەن ياپونىيە توقۇنۇشىنى كېلىشتۈرۈپ قويۇشنى باھانە قىلىپ «تىنچ ئوكيان خەلقئارا يىغىنى» چاقىرىشنى پىلانلاپ جياڭ جيېشى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى ياپونىيە بىلەن «سۈلھ قىلىش» قا قىزىقتۇرغان. جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ پاش قىلىشى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ قەتئىي قارشىلىقى تۈپەيلىدىن «تىنچ ئوكيان خەلقئارا يىغىنى» نى ئاچالمىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن، ياپونىيە جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەشنى جىددىيلەشتۈرگەن. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسېرى چوڭقۇرلاشقان. بۇ زىددىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن، 1941-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ئامېرىكا يەنە ياپونىيە بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى قۇربان قىلىپ بېرىش شەرتى بىلەن ياپونىيىنىڭ «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ماقۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ جۇڭگو ۋە تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا ئېرىشكەن مەنپەئىتىنى قوغداپ قېلىشقا ئۇرۇنغان. جۇڭگو خەلقىنىڭ قەتئىي قارشىلىقى ۋە ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى تۈپەيلىدىن يېڭى ميۇنخېن سۇيىقەستى ئىشقا ئاشمىغان.

يىرۇدىنگام

  • يىرۇدىنگام[يەشمىسى:]Yirudingam) مالاييادىكى قەدىمكى دۆلەت. مالاييا يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. سىرىۋىجاياغا قارام دۆلەت بولغانىدى.

يىشياڭ مەزھىپى قوزغىلىڭى

  • يىشياڭ مەزھىپى قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ياپونىيە مۇروماچى دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن ئازۇچى مومۇياما مەزگىلىگىچە بولغان ئارىلىقتا، يىشياڭ مەزھىپى (جىڭتۇجېن مەزھىپى) گە ئېتىقاد قىلغۇچى دېھقانلار ئاساس قىلىنغان فېئوداللىققا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ. يىڭرېن مالىمانچىلىقىدىن كېيىن، سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا،يېزا-كەنت تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىساد بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان جايلاردا بۇ مەزھەپ تېز كېڭەيگەن. بېنيۇەن ئىبادەتخانىسىنىڭ 8-ئەۋلاد ئاقساقىلى رېننيو (1415 — 1499) كاگا (ھازىرقى ئىسمىنكاۋا ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى) غا كەلگەندىن كېيىن، مەزكۇر دىنىي تەشكىلاتنىڭ كۈچى تېخىمۇ زورايغان، ئۇنىڭغا دېھقانلاردىن باشقا، يېزا سامۇرايلىرى ۋە سودا-سانائەتچىلەرمۇ قاتناشقان. مەزكۇر مەزھەپنىڭ مۇرىتلىرى فېئودال بەگلەر بىلەن قارىمۇقارشى بولغاچقا قوزغىلاڭ كىنكى، توكاي، خوكۇرىكۇ قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيگەن. 1488-يىلى كاگادا قوزغالغان يىشاڭ مەزھىپى قوزغىلىڭى، ئامبال فوجيەن جېڭچىننى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئۇلار قۇرغان ھاكىمىيەت 90 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن.يۆچيەن(ھازىرقى فۇكۇي ناھىيىسى)، يۆجۇڭ (ھازىرقى توياما ناھىيىسى)، نېڭدېڭ (ھازىرقى ئىشكاۋا ناھىيىسى) قاتارلىق جايلاردا مۇرىتلار تەشكىلاتى قۇرۇلغان. 1570-يىلى شىشەندىكى بېنيۈەن ئىبادەتخانىسىنىڭ مۇرىتلىرى ئۇدا تۇبۇناگىغا قارشى جەڭ قىلغان. تارىختا بۇ جەڭ «شىشەن ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان. جايلاردىكى بېنيۈەن ئىبادەتخانىلىرىنىڭ مۇرىتلىرى بەس-بەستە ئاۋاز قوشقانلىقتىن ئۇدا نوبۇناگا تاكى 1580-يىلىغا بارغاندىلا شىشەندىكى بېنيۈەن ئىبادەتخانىسىنى ئىشغال قىلغان. 1582-يىلى كاگا ھاكىمىيىتىنىمۇ يوقاتقان. بىر ئەسىر دېگۈدەك داۋام قىلغان يىشياڭ مەزھىپى قوزغىلىڭى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان.

يىغىش ئىگىلىكى

  • يىغىش ئىگىلىكى[يەشمىسى:] ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ تەبىئىي يېمەكلىكلەرنى يىغىۋېلىشقا تايىنىپ ئۆزىنىڭ ھايات كەچۈرۈش ئېھتىياجىنى قامدىغان ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى. ئۇ ئوۋچىلىق ئىگىلىكى بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولۇپ، پۈتكۈل نادانلىق دەۋرىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي تارماقلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كونا تاش قوراللار، ئوتتۇرا تاش قوراللار دەۋرىدىكى تۆۋەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسى بىلەن ماس كەلگەن بولۇپ، ئۇزۇن يىللارنى باشتىن كەچۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتا، كىشىلەر تېخى تەبىئىي مەھسۇلاتلارنى كۆپەيتىش ياكى تەبىئىي مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغانىدى، پەقەت تەييار تەبىئىي مەھسۇلاتلار (يېگىلى بولىدىغان ياۋايى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسى، قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەر، يىلتىز غولى ۋە ھاشارات، كىچىك يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار، دېڭىز يۈسۈنلىرى) نى يىغىش ۋە ھايۋانلارنى ئوۋلاشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ئارقىلىق تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنى قامدىغان. كونا تاش قوراللار دەۋرىدىكى ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆسۈملۈكلەر توپ-توپ بولۇپ ئۆسكەن ئىسسىق بەلباغ ۋە مۆتىدىل ئىسسىق بەلباغقا تارقالغان، بۇمۇ يىغىش ئىگىلىكىنى پايدىلىق مۇھىت بىلەن تەمىنلىگەن. يىغىش بىلەن ئوۋچىلىق تەبىئىي ئىش تەقسىماتى (يېشى ۋە جىنسىغا قاراپ ئىش تەقسىم قىلىش) ئۇسۇلى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان: ئاياللار ئاساسەن يىغىش بىلەن شۇغۇللانغان، ئەرلەر ئاساسەن ئوۋ ئوۋلاش بىلەن شۇغۇللانغان. ئوۋ ئوۋلاش بىلەن تۇرمۇش ئېھتىياجىنى دائىم قاندۇرغىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەمەلىيەتتە يىغىش ئىگىلىكى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدە ئاياللارنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرۇشىنىڭ ماددىي شەرتى بولغان. كىشىلەر ئۇزاق ۋاقىتلىق يىغىش پائالىيىتى ئارقىلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرلىرىنى پەرق ئېتىپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش قانۇنىيىتىنى كۆزىتىپ، پەيدىنپەي ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈشكە مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالغان. يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە كەلگەندە، يىغىش ئىگىلىكى ئىپتىدائىي دېھقانچىلىققا تەرەققىي قىلغان.

يىللار

  • يىللار[يەشمىسى:] «ئەسىر» گە قارالسۇن. 

يىللار خاتىرىسى

  • يىللار خاتىرىسى[يەشمىسى:] «يىلنامە» ياكى «رىم يىلنامىسى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. كىتاب نامى. قەدىمكى رىم تارىخشۇناسى تاستۇس يازغان. مىلادى 115 — 117-يىللىرى كىتاب بولۇپ چىققان. جەمئىي 18 توم (يەنە بىر ئېيتىلىشتا 16 توم). بۈگۈنگىچە بىرىنچى تومدىن تۆتىنچى تومغىچە، بەشىنچى تومنىڭ باشتىكى بىرنەچچە بابلىرى، ئالتىنچى تومنىڭ كۆپ قىسمى، 11-تومدىن 16-تومغىچە بولغان 35 باب ساقلىنىپ قالغان. يىلنامە شەكلىنى قوللىنىپ، ئاساسەن، 14 -يىلى ئاۋگۇست ئۆلگەندىن 68-يىلى نېرو تەختتە تۇرغاننىڭ ئاخىرقى يىللىرىغىچە بولغان يىللاردىكى تارىخىي ئىشلار خاتىرىلىنىپ، ئاخىرى ئاپتورنىڭ يەنە بىر مەشھۇر كىتابى — «تارىخ» بىلەن ئۇلىنىپ كەتكەن. مىلادى Ⅰ ئەسىردىكى رىم تارىخىنى مۇھاكىمە قىلىشتا مۇھىم كىتاب ھېسابلىنىدۇ. كىتابتا ئاپتورنىڭ ئاقسۆڭەكلەر جۇمھۇرىيىتى ئىدىيىسى تولۇق ئىپادىلىنىپ، رىم ئىمپېرىيە تۈزۈمى دەۋرىدىكى سىياسىي قاراڭغۇلۇق، پادىشاھنىڭ گالۋاڭلىقى ۋە ئوردىدىكى كاتتا مەنسەپدارلارنىڭ بىر-بىرىگە ئورا كولاشلىرى ناھايىتى تولۇق پاش قىلىنغان، ئوردا سۇيىقەستلىرىنىمۇ ناھايىتى تەپسىلىي تەسۋىرلىگەن. كېيىنكىلەر ئۇنى «زالىم پادىشاھلارنى جازالايدىغان قامچا» دەپ ئاتىغان. بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كۈچ چىقىرىپ يازغان ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسىي نۇقتىئىنەزەرى ۋە يېزىش ئۇسلۇبىغا ئەڭ تولۇق ۋەكىللىك قىلغان. 

يىن جۇەن

  • يىن جۇەن[يەشمىسى:] چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكەن ئالىم. تەخەللۇسى شى جۇڭ، لەقىمى بەيخۇ، چىۋەنلو بېيداۋنىڭ جەنۇبىدىن، جۈزئىي تەرىقەت ئىلمىنى ھەدەپ تەرغىبات قىلغان سۇڭ شىلېي تەرەپدارلىرىغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولغان. لى خۇاڭ قاتارلىقلارنىڭ لىچى نەزەرىيىسىنىمۇ تەنقىد قىلغان. ئىلىم-پەن ئىدىيىسىدە يېڭىلىق ياراتقان. شاگىرت يېتىشتۈرگەن، خېلى ئىناۋەت قازانغان. 1860-يىلى «گېڭشىڭ چوڭ مالىمانچىلىقى» دا جياشەنگە سۈرگۈن قىلىنغان. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن «شۈجيەن ۋەقەسى» دە ئۆلتۈرۈلگەن.

يىن جۈنليۇ (خاتا شۇنروكۇ)

  • يىن جۈنليۇ (خاتا شۇنروكۇ)[يەشمىسى:]1879 — 1962) ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى. ئۇرۇش جىنايەتچىسى.1910-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. باش شتابنىڭ بىرىنچى شتاب باشلىقى، 14-دىۋىزىيە پولك كوماندىرى، ھاۋا ئارمىيە شتابىنىڭ باشلىقى، تەيۋەن قىسمىنىڭ قوماندانى، ھەربىي شتاب ئەمەلدارى، مائارىپ باش مۇپەتتىشى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1938-يىلى 2-ئايدا «ئوتتۇرا جۇڭگو يۆنىلىش ئارمىيىسى» نىڭ قوماندانى بولغان. 1939 — 1940-يىللىرى ئابۇ، مىنېي قاتارلىق ئىككى نۆۋەتلىك كابىنېتتا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان.شۇ يىلى 7-ئايدا ئىستېپا بېرىشنى ۋاسىتە قىلىپ، مىنېي كابىنېتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 1940-يىلى 3-ئايدىن 1944-يىلى 1-ئايغىچە «جۇڭگوغا ئەۋەتىلگەن قوشۇن» نىڭ باش قوماندانى بولغان. 1944-يىلى مارشاللىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1945-يىلى 4-ئايدا ئىككىنچى ئومۇمىي ئارمىيە قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنغان، 1948-يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1954-يىلى كېسەللىك رۇخسىتى بىلەن قويۇپ بېرىلىپ، 1958-يىلى كەچۈرۈم قىلىنغان. 

يىن جژخاۋ

  • يىن جژخاۋ[يەشمىسى:]1865 — 1945) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۆتكەن سىياسەتۋاز. لەقىمى زوۋېڭ، جۇڭچىڭداۋلىق. 1881-يىلى مۆتىۋەرلەر ساياھەت ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ياپونىيىگە بارغان، كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇغان. 1895-يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ ياردەمچىسى بولغان. كېيىنكى يىلى مىن يۇڭخۇەنلەر بىلەن روسىيىگە بېرىپ چارپادىشاھنىڭ تاج كىيىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. يول ئۈستىدە ياۋروپا ۋەزىيىتىنى تەكشۈرگەن. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن شۇ سەيبى، لۇچېڭۋەنلەر بىلەن مۇستەقىل جەمئىيەت قۇرغان. 1898-يىلى بۇ جەمئىيەتنىڭ باشلىقى بولغان. 1906-يىلى جاڭ جژيۇەنلەر بىلەن «بۈيۈك كورىيىنى گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، بۇ جەمئىيەتنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھەمدە مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1910-يىلى خرىستىئان دىنى ياشلار جەمئىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ ئۇيۇشمىغا باشلىق بولغان. 1911-يىلى تېرائۇچى سېيكنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى بىلەن چېتىشلىقى بولغاچقا قولغا ئېلىنغان. 1912-يىلى ئالتە يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. ياپونىيە چاۋشيەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئاخىرقى مەزگىلدە ئاينىپ ياپونىيە ئاقسۆڭەكلەر پارلامېنت ئەزالىقىنى قوبۇل قىلغان. 1945-يىلى ياپونپەرەس دەپ ئەيىبلەنگەن، كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

يىن يۇەنخېڭ

  • يىن يۇەنخېڭ[يەشمىسى:] چاۋشيەن لى سۇلالىسى مىڭ زۇڭ دەۋرىدىكى ھوقۇقدار ۋەزىر. ئاستانە ۋىلايىتىدىكى پوپىڭلىق. ئىسمى يەن پىڭ. جۇڭ زۇڭنىڭ ئىككىنچى بانۇسى ۋىندىڭ (مىڭ زۇڭنىڭ ئانىسى) نىڭ ئىنىسى. 1533-يىلى (جۇڭ زۇڭنىڭ 28-يىلى) مەمۇرىي ئەمەلدار بولغان. جۇڭ زۇڭنىڭ يەنە بىر بانۇسى جاڭ جىڭ (رېن زۇڭنىڭ ئانىسى) نىڭ ئىنىسى يىن رېن بىلەن ھوقۇق تالاشقان. يىن يۇەنخېڭ تەرەپدارلىرى كىچىك يىنلار، يىن رېن تەرەپدارلىرى چوڭ يىنلار دەپ ئاتالغان.1545-يىلى رېن زۇڭنىڭ تەختكە چىقىشى سەۋەبلىك يىن رېن تەرەپدارلىرى كۈچىيىپ، كىچىك يىنلارنى باسقان، ئەمما رېن زۇڭ تەختكە چىقىپ سەككىز ئاي بولغاندىلا ئۆلۈپ قالغاچقا، مىڭ زۇڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. كىچىك يىن تەرەپدارلىرى كۈچىيىپ، چوڭ يىن تەرەپدارلىرىنى ئۆلتۈرگەن ياكى سۈرگۈن قىلغان. بۇ «يىيى يىلىدىكى تۆرىلەر ئاپىتى» دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون نەچچە يىلدا يىن يۇەنخېڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھوقۇق يۈرگۈزگەن. 1565-يىلى (مىڭ زۇڭنىڭ 20-يىلى) ۋېندىڭ خانىش ئۆلۈپ، ئۇ ئەيىبلىنىپ ئۇنۋانى ئېلىپ تاشلانغان، يىن يۇەنخېڭ تەرەپدارلىرىنىڭ كۈچى ئاجىزلاشقان. 

يىئەن، خىجىڭ سوۋېت ھەرىكىتى

  • يىئەن، خىجىڭ سوۋېت ھەرىكىتى[يەشمىسى:] يەنى «يى جىڭ سوۋېت ھەرىكىتى».