ك🔗

ك

كابال

كاباسان ۋەقەسى

كابرال

كابوش قوزغىلىڭى

كابول كېلىشىمى

كابې

كابىر

كابىنېت پەۋقۇلئاددە ئەلچىلەر ئۆمىكى

كابىنېتچىلىق

كابىيلېس قوزغىلىڭى

كاپ

كاپپادوسىيە

كاپپونى

كاپ توپىلىڭى

كاپرىۋى

كاپسا مەدەنىيىتى

كاپودىسترىياس

كاپۇيە

كاپېت خاندانلىقى

كاپې مۇستەملىكىسى

كاپىتانىيە رايونى

كاپىتو

كاپىرلار ئۇرۇشى

كاپىلاۋاستۇ

كاتارگىئۇ

كاتالۇنا دېھقانلار قوزغىلىڭى

كاتاماسېن

كاتاماياتېتسۇ

كاتتانېئو

كاتو

كاتو توموسابۇرو

كاتوخىرويۇكى

كاتوشىگې

كاتو-كامبرېژ سۈلھ شەرتنامىسى

كاتوكومېئى

كاتولىكا دىنى

كاتولىك بىرلەشمىسى

كاتولىك چېركاۋىنىڭ زور بۆلۈنۈشى

كاتولىك دىنى

كاتولىك ئىتتىپاقى

كاتۇللۇس

كاتماندۇ دۆلىتى

كاتېرىنا مېدىچ

كاتىپ چەلەبى

كاتىپۇنان

كاتسونېس

كاتىلىنا ۋەقەسى

كاچىن

كاخوۋسكىي

كادپىسېس

كادلوبېك

كادموس

كادۇدال

كادېتلار پارتىيىسى

كادېش جېڭى

كادې قوزغىلىڭى

كادىرى دۆلىتى

كادىس ئاساسىي قانۇنى

كادىس پارلامېنتى

كادىسىيە جېڭى

كارابوبو جېڭى

كارادژا

كارادىچ

كاراك

كاراكاللا ھاممامى

كارامزىن

كارمات جۇمھۇرىيىتى

كارماتچىلار

كاراۋېلوۋ

كارائىسكاكىس

كاربونارلار

كارپىنىسكىي

كارترايت

كارتوم (خارتوم) جېڭى

كارتېر

كارتىنى

كارخېمىش جېڭى

كاردېناس

كاردىنال ئېپىسكوپ

كارفاگىن

كاررېر

كارلⅪ

كارلⅩⅡ

كارلفېلدت

كارل لىننېي

كارلوسⅣ

كارلوسچىلار

كارلوس ئۇرۇشى

كارلوۋىتس سۈلھ شەرتنامىسى

كارلېيل

كارلىسباد قارارى

كارلىستاد كېلىشىمى

كارمونا

كارناتىك ئۇرۇشى

كارنوت

كارولⅠ

كارولⅡ

كارول سۈلھ شەرتنامىسى

كارولدىس

كارولىن خاندانلىقى

كارولىن خاندانلىقى دەۋرىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى

كارولىن ئىمپېرىيىسى

كارولىن ئىمپېرىيىسى

كارولىي

كارون جەمئىيىتى قوزغىلىڭى

كارۇسو

كارېي

كارېيېۋ

كارىب دېڭىزى كرىزىسى

كارىب ئورتاق گەۋدىسى

كارىبېسلار

كارىتان دۆلىتى

كازۇئايا ئاكىراې توپلىمى

كازىمېرزⅠ (قايتا تىكلىگۈچى)

كازىمېرزⅢ (بۈيۈك)

كازىم-ېرزⅣ

كازىمىر-پېرىئېر

كاسابلانكا ئافرىقا نىزامنامىسى

كاسابلانكا يىغىنى

كاساتى

كاسساندروس

كاساۋۇبۇ

كاسترو ئالۋېس

كاستىللا پادىشاھلىقى

كاستلېرېگ

كاستې

كاسساندرا

كاسسىئودورۇس

كاسسېل

كاسسىتلار

كاسكىلىق پولك

كاسمىرا

كاسى

كاسسىئۇ

كاسياپا

ك-اسياپا ماتانگا

كافېرو

كاكوباۋ

كاگۇلې ئونسۇرلىرى

كاڭخا ئارىلى ۋەقەسى

كاڭخا شەرتنامىسى

كالاتراۋا رىتسارلار پولكى

كالاي

كالپا ئەھدىنامىسى

كالتەك ئۇرۇشى

كالدېلار

كالكىس

كالكىنىس

كاللىئاس سۈلھ شەرتنامىسى

كاللىماكوس

كالمار ئىتتىپاقى

كالھۇن

كالۋىن

كالىداسا

كالىش شەرتنامىسى

كالىگۇلا

كالىنگا

كالىنگا

كالىنىن

كاماكۇرا شوگونلۇقى

كامال

كامال ئىنقىلابى

كامبا سېرېس

كامبوجا

كامبودژا مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى

كامبېل دېلوسى

كامبىس

كامپار دۆلىتى

كامپاكۇ

كامپانېللا

كامپانىيە

كامپور دەۋا دېلوسى

كامپوفورمىئو سۈلھ شەرتنامىسى

كامدېن

كامفائۇسېن

كاممون

كاموررا

كاموئېنىس

كامېدا ۋەقەسى

كامېرون

كامېنېۋ

كامىل

كانارىس

كاتازاۋا ئەدەبىيات خەزىنىسى

كاناگاۋا شەرتنامىسى

كانت

كانتخارا

كانتودىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى

كانتېمىر

كاندارى دۆلىتى

كاندى پادىشاھلىقى

كانزىتھا

كانساس-نېبراسكا قانۇنى

كانساس ئىچكى ئۇرۇشى

كاننې جېڭى

كاننىڭ

كانوسسا

كانۇدوس دېھقانلار ئۇرۇشى

كانۋا خاندانلىقى

كانېم-بورنۇ پادىشاھلىقى-

كانىشكا

كانيا كۇبجا

كائۇتىسكى

كائۇتىسكىزم

كائۇدىللو

كائۇنتىس

كاۋا Kava

كاۋا باتايا سونارى

كاۋاجى توشيوشى

كاۋا ئومى

كاۋاللوتتى

كاۋتارا دۆلىتى

كاۋكامىخاجىمې

كاۋۇر

كاۋىنياك

كائېرونا جېڭى

كائېسار

كائېسارىيە

كائىفۇسو

كايبارا ئېكىكىن

كايرولى

كايكاتو

كەپىلىك دېھقان

كەرنەك ئىبادەتخانىسى

كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى سوتسىيالىزمى

كەش جەمئىيىتىⅩⅤ

كەشمىر مەسىلىسى

كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش ھەرىكىتى

كەم-ت-ۈك پ-ارلام-ې-ن-ت

كەنئانلار

كەئبە

كەيقۇبادⅠ

كتېسىفون

كخمېر

كراسسۇس

كراكوۋ قوزغىلىڭى

كرانىي

كروپاتكىن

كروتون

كرودىيە جەمئىيىتى

كروسئاتى قوزغىلىڭى

كروكان قوزغىلىڭى

كروكې

كرومپتون

كرومۋېل

كرومېر

كرومېرىز پارلامېنتى

كرونشتادت توپىلىڭى

كرونشتادت قوزغىلىڭى

كروئىس

كرۇپ كونسېرىنى

كرۇپىسكايا

كروتوي

كرودىيە مۇستەقىل دۆلىتى

كرۇس

كرۇگېر

كرۇم

كرۇيە مۇداپىئە جېڭى

كرېسىي جېڭى

كرېۋ بىرلەشمىسى

كرىپپىس تەكشۈرۈش ئۆمىكى

كرېت ئارىلى قوزغىلىڭى

كرېت-مىكناي مەدەنىيىتى -

كرىتياس

كرىسپى

كرىستىئانⅣ

كرىستىئانⅤ

كرىستىئانⅨ

كرىستىئانⅩ

كرىستىئان ھىيگېنس

كرىسىپې پەۋقۇلئاددە پەرمانى

كرىشنا

كرىكو

كرىكىس

كرىلوۋ

كرىلېنكو

كرىمىل سارىيى

كرىئوللار

كرىپتېيە

كلاپپېرتون

كلارك

كلارېنتون كېلىشمى

كلارېندون

كلاكتون مەدەنىيىتى

كلافام

كلاۋدىⅠ

كلاۋدى خاندانلىقى

كلاۋسېۋىتس

كلاۋىيو

كلائىچ

كلايتون-بۇلۋېر شەرتنامىسى

كلايتوننىڭ ترېستكە قارشى قانۇنى

كلوۋې

كلۇزېرې

كلۇنيچىلەر ھەرىكىتى

كلېپتKlephts

كلېرمون دىنىي يىغىنى

كلېستېن

كلېمېنتⅤ

كلېمېنسو

كلېئوپاتراⅦ

كلېئومېنⅢ

كلېۋېلاند

كلېيتون پىلانى

كلىۋې

كليۇچېۋسكى

كنوسسوس

كنوسوس

كوببېت

كوبدېن

كوبورگ خاندانلىقى

كوپپېرخېئاد (مىس باشلىق يىلان)

كوپېر

كوپېرنىك

كوپېنھاگېن ئۇرۇشى

كوتتې

كوتوكۇئاكىمىزۇ

كۇتۇكۇ ۋەقەسى

كوتون

كۇتۇزوۋ

كوتى

كوتىسىيۇبىنىسكىي

كوجى جەمئىيىتى

كوخ

كودا روخان

كودرېئانۇ

كودوررۇ

كورائىس

كورترى جېڭى

كورتېس

كوردوۋا خەلىپىلىكى

كوردېلېر كۇلۇبى

كوردىئېر

كوررېنتې

كورىيە

كورىيە تارىخى

كورىيە تارىخىدىن پارچىلار

كورسىرا

كورفۇ ئارىلى خىتابنامىسى

كورفۇ ئارىلى ۋەقەسى

كورولېنكو

كورنۋاللىس

كورنىلوۋ

كورنىلوۋ توپىلىڭى

كوروۋا يىغىنى

كورۇلىۋا ئاننې ئۇرۇشى

كورۇلىۋا كرىستىنا

كورۇلىۋا ۋىكتورىيىنىڭ مۇراجىئەتنامىسى

كورۋىن

كورىنتوس

كورىنتوس قۇرۇلتىيى

كورىنتوس ئۇرۇشى

كوزلوۋ

كوزومى ياكۇمو

كوزنېتسوۋ

كوزېلىسكىي

كوسالا

كوستا

كوسسۇت

كوسكيۇسكو

كوسكيۇسكو قوزغىلىڭى

كوسموس

كوسمومېدىچى

كوسمىنىسكىي

كوسوۋو جېڭى

كوسېگىن

كۇئاسىمودو

كۇسىنېن

كۇشان پادىشاھلىقى

كوشىسې پروگراممىسى

كوشىسې نىزامنامىسى

كوك

كوكلوپلار

كوگېلنىكانۇ

كولا

كولاروۋ

كولبېرت

كولتىررو مەدەنىيىتى

كولچاك

كولوس

كولوسسىئۇم تىياتىر مەيدانى

كولوكوترونىس

كولومبو

كولون

كولون ساھىلى ۋەقەسى

كولونىستلىق تۈزۈمى

كولۇمبو پىلانى

كولومبىللا

كوللۋىتىر

كولىدگې

كولىكوۋ جېڭى

كولىگنىي

كومپتون

كومپىئېگنې ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى

كومىتې

كوممودۇس

كوممۇنىس

كوممۇنا

كوممۇنا ئەزالىرى تېمى

كوممۇنىزم

كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى

كوممۇنىزملىق ئالاقىلىشىش كومىتېتى

كوممۇنىستىك پارتىيە

كوممۇنىستىك شەنبىلىك خالىسانە ئەمگەك

كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال

كومنېن خاندانلىقى

كومې

كومېئۇچى مېتسۇماسا

كومىن

كونا پورت

كونا تاش قوراللار دەۋرى

كونا دىن

كونا ڭۇيېن

كونان دويىل

كونبائوڭ خاندانلىقى

كوندور كانچۇي

كوندورسېت

كوندىياك

كونرادⅡ

كونفالونىئېرى

كونگو ئەركىن شتاتى

كونگو پادىشاھلىقى

كونستانتىنⅠ

كونستانتىن خرىستوۋورىيە

كونستانىس سۈلھ شەرتنامسى

كونستانىس يىغىنى

كونسۇللاروس

كونسىدېرانت

كونوخىرىئوناكا

كونون

كونوئى فۇمىمارو

كونستانت-ىنⅠ

كونستانتىنⅤ

كونستانتىنⅪ

كونستانتىنⅦ

كونستانتىنوپول

كونستانتىنوپول يىغىنى

كونستانتىننىڭ ھەدىيىسى

كونىكچىلار

كونيا

كوئۇنتورىئوتېس

كوۋالېۋىسكايا

كوۋالېسكىي

كوۋېر

كوۋېنترىنى بومباردىمان قىلىش

كوۋىليا

كوئىسوكونئاكى

كويبشوۋ

كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كرىزىسى

كۇبا پادىشاھلىقى

كۇبا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى

كۇبا 30 يىللىق ئازادلىق ئۇرۇشى

كۇپالا

كۇپرىن

كۇتاھيا كېلىشىمى

كۇتى پادىشاھلىقى

كۇجۇلا

كۇچىك خان

كۇرتىن

كۇردىستان قوزغىلىڭى

كۇرزون

كۇرزون سىزىقى

كۇرۇ

كۇروپاتكىن

كۇرۇس

كۇرىسىك جېڭى

كۇرىيە يىغى-نى

كۇزا

كۇزۇخارا جەمەتى

كۇزۇخارا شىنىۋۇ

كۇساكا گېنمىزو

كۇسكۇ

كۇفۇ

كۇكۇتېنى مەدەنىيىتى

كۇكۇلېۋىچ-ساكىسنىسكى

كۇگېلمان

كۇماراجىۋا

كۇمې كونتاكې

كۇن

كۇن راماكامھېڭ

كۇنېئو

كۇنىكوسلار

كۇنىكىدا دوپپو

كۇئوكۇ

كۇئېبېك سۆھبىتى

كۇئېبېك نىزامى

كۇئېسناي

كۇئىس-لىڭ

كۇئىنتىلىئان

كۆچمەن قەبىلە

كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىش قانۇنى

كۆك پارتىيە

كۆك ئوردا خانلىقى

كۈل رەڭ كۆڭلەكلىكلەر

كۈمۈش پۇل مەھكىمىسى

كۈمۈش قەسىر

كۈيجاڭ راۋىقى

كۋاتىرنىك

كۋاڭجۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى

كېپلېر

كېت قوزغىلىڭى

كېتىس

كېداشىناناگا

كېداھ

كېخمىر

كېرسۇنېس

كېرېنىسكى

كېرېنىسكى-كراسنوۋ توپىلىڭى

كېرىم

كېسون شەھىرى

كېڭەش ھۆكۈمىتى

كېلانتان

كېللوگ

كېلىتلار

كېمالى

كېمبىرىج ئېقىمى

كېنەز

كېنەز ستېۋان

كېنتاكى قانۇنى

كېنتال

كېنتال يىغىنى

كېنتېربۇرىي چېركاۋى

كېننېدى

كېنىف ئۆڭكۈرى

كېيتا

كېيتېل

كېينېس

كېيىنكى پېكچې

كېيىنكى كوگۇريو

كېيىنكى ئۇمەييە سۇلالىسى

كېيىنكى ئۈچ دۆلەت

كىئانو

كىبى نوماكىبى

كىپلىڭ

كىتاساتو شىباسابۇرۇ

كىتائىكى

كىتا ي-ائو

كىتسۇ توشنارى

كىچىك ئانتانتا

كىچىك تارىخ

كىچىك روسك ۋەقەسى

كىچىك گېرمانپەرەسلەر

كىچىك ئۆيلۈك دېھقان

كىچېنېر

كىدو تاكايوشى

كىدو كوئىچى

كىدېرلېن-ۋېچتېر

كىرچېئو تېغى خارابىسى

كىردژالىي

كىركوۋ

كىروۋ

كرېست پارتىيىسى

كىسپادانا جۇمھۇرىيىتى

كىسېنوپول

كىش

كىشاترىيە

كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى

كىشىلىك ھوقۇقى قانۇنى لايىھىسى

كىشىلىك ھوقۇقى ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى جەمئىيىتى

كىڭ

كلاسسىك تارىخشۇناسلىق

كلاسسىك قۇللۇق تۈزۈمى

كىلافا ھەرىكىتى

كىلپاترىك

كىلدىكى ماتروسلار قوزغىلىڭى

كلون

كىلۋا سۇلالىسى

كلېئون

كىليشول ئاساسىي قانۇنى

كىمباڭ رىتسارلار پولكى

كىمبانگۇ

كىمون

كىمۇرا ساكايى

كىنادون

كىنەز كارل

كىنەز گېسا

كىندى

كىننا

كىنوشتانا ئويې

كىنۇت

كىئوس چوڭ قىرغىنچىلىقى

كىيېۋرۇس كىنەزلىكى

كيولىن سوتى

كيولن-لىندېنتال

كيولىن ئىشچىلار بىرلەشمىسى

كيۇچۇك-كەيناردجى سۈلھ شەرتنامىسى

كيۇخارا فوسانوسۇكې

كيۇرىي

كيۇرىي خانىم

كيېرسى پەرمانى

كروگ

ئىزاھى

كابال

  • كابال[يەشمىسى:]» (Cabal) ئەنگلىيە تارىخىدىكى سىياسىي گۇرۇھ بولۇپ، بۇ سۆز سۇيىقەستلىك كىچىك گۇرۇھ مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. چارلېسⅡ تەختتىكى ۋاقىتتا (1660 — 1685) ۋەزىرلەردىن كلىفورد (Thomas Clifford، 1630 — 1673)، ئارلىڭتون (Henry Bennet Arlington، 1618 — 1685، ) باكىڭھام (George Villiers Buckingham، 1628 — 1687)، شافېتىسبېرى (Anthony Ashley Cooper Shaftesbury ، 1612 — 1683)، لودېردېيل (John Maitland Lauderdale، 1616 —1682) لار بىرلىشىپ ئوردا ئىشلىرىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، چارلېس Ⅱنىڭ ئىستىبداتلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. كېيىن بارا-بارا بۇ بەش كىشىنىڭ فامىلىسىنىڭ بىرىنچى ھەرپلىرى بىرىكتۈرۈلۈپ «كابال» (Cabal) دېگەن ئاتالغۇ پەيدا بولغان.

كاباسان ۋەقەسى

  • كاباسان ۋەقەسى[يەشمىسى:]» ياپونىيە ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى مەزگىلىدە، رادىكال لىبېراللار پارتىيىسى ئەزالىرى قوزغىغان قوراللىق قوزغىلاڭ ۋەقەسى. 1884-يىلى 9-ئايدا فۇكۇسىما ناھىيىسىدىكى كاۋانو خىروتاي قاتارلىق لىبېراللار پارتىيىسى ئەزالىرى توچىگى ناھىيىسىدىكى لىبېراللار پارتىيسى ئەزاسى كوئىنۇما كۇخاچىرو، ئىباراكى ناھىيىسىدىكى لىبېراللار پارتىيىسى ئەزاسى توماتسۇ ماساياسۇ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، توچىگى ناھىيىسى ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندە، مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىدىغان سانجۇ سانې تومى، ياماگاتوئارىتومو قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان. ھۆكۈمەت تەرەپ سۈرۈشتە قىلغانلىقتىن، 9-ئاينىڭ 23-كۈنى كاۋانو، توماتسۇ قاتارلىق 16 كىشى ئىباراكى ناھىيىسىدىكى كاباسان تېغىنى ئىگىلەپ قوزغىلاڭ تۇغىنى تىكلەپ، قوزغىلاڭ چاقىرىقنامىسى چىقارغان، جازانىخورلارنىڭ قورۇ-جايلىرىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئامما بىلەن ئالاقە باغلىمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ يېتىشمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، 25-كۈنى چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن قوزغىلاڭچىلار جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن قولغا ئېلىنىپ، توماتسۇ قاتارلىق يەتتە كىشىگە ئۆلۈم جازاسى، كاۋانو خىروتاي قاتارلىق يەتتە كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان.

كابرال

  • كابرال[يەشمىسى:]»(Pedro Alvares Cabral، تەخمىنەن 1460 — 1526) پورتۇگالىيىلىك دېڭىز ساياھەتچىسى. 1500-يىل 3-ئاينىڭ 9-كۈنى پورتۇگالىيە كورۇلى — مانۇئېل (Manuel) نىڭ پەرمانىغا بىنائەن دېڭىز فلوتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھىندىستانغا بارغان. يېشىل تۇمشۇق تاقىم ئاراللىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن غەربكە كېتىپ قېلىپ، ئويلىمىغان يەردە 4-ئاينىڭ 22-كۈنى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى برازىلىيە دېڭىز قىرغىقىغا بېرىپ قالغان. يەنە داۋاملىق ھىندىستانغا قاراپ يۈرۈش جەريانىدا ئۈمىد تۇمشۇقى يېنىدا قارا بورانغا يولۇقۇپ تۆت كېمىسى ھالاك بولغان. سەپەردىشى پورتۇگالىيىلىك دېڭىزچى دىياش دېڭىزدا چۆكۈپ ئۆلگەن.9-ئايدا،كابرال ھىندىستاننىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى كالىكۇت (Calicut، ھازىرقى نامى كوزىكودې Kozhikode —) غا يېتىپ بارغان. 1501-يىلى 7-ئايدا زور تۈركۈمدىكى خۇش پۇراق ماتېرىياللارنى ئېلىپ لىسابۇنغا قايتىپ كەلگەن.

كابوش قوزغىلىڭى

  • كابوش قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]»پارىژ خەلقىنىڭ ⅩⅤ ئەسىردىكى فېئوداللىققا قارشى قوزغىلىڭى. رەھبىرىي سىمون كابوش (Simon Caboche، تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان يىلى ئېنىق ئەمەس) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. يۈز يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە (1337 — 1453) فرانسىيىدە ئالۋان-سېلىق ھەددىدىن تاشقىرى ئېغىرلىشىپ، فېئوداللىق ئىچكى نىزالار توختىمىغانلىقتىن (ئامانياكچىلار گۇرۇھىغا قارالسۇن)، خەلق جان باقالماسلىق دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالغان. 1413-يىلى 4-ئايدا قوزغىلاڭ پارتلىغان. قوزغىلاڭچىلار (ئاساسلىقى قول ھۈنەرۋەنلەر، ئۇششاق ئېلىپساتارلار ۋە شەھەر كەمبەغەللىرى) خان ئوردىسىنى قورشىۋېلىپ، پادىشاھنىڭ ئېتىبارلىق ۋەزىرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، پارىژنى تىزگىنلىگەن. 5-ئايدا ھۆكۈمەت «كابوش پەرمانى» نى ئېلان قىلىپ، مالىيە، مەمۇرىيەت ۋە ئەدلىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا ۋەدە بەرگەن. كېيىن ئامانياكچىلار گۇرۇھى بىلەن بۇرگۇندىچىلار گۇرۇھى مۇرەسسەلىشىپ، 8-ئايدا قوزغىلاڭنى بىرلىشىپ باستۇرغان. 9-ئايدا «كابوش پەرمانى» بىكار قىلىنغان.

كابول كېلىشىمى

  • كابول كېلىشىمى[يەشمىسى:]» ھىندىستان بىلەن ئافغانىستان ئىمزالىغان چېگرا كېلىشىمى. 1893-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى كابولدا ئىمزالانغان. ئەنگلىيە روسىيىنىڭ ھىندىستانغا ئىلگىرىلىشىنى توسۇش ھەمدە ئافغانىستاننى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئافغانىستان پادىشاھى ئابدۇل راخماننى ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىلەن مەجبۇرىي ئىمزالاتقان كېلىشىم. ئىمزا قويۇشقا دىپلوماتىيە كاتىپى دۇراند (Henry Mortimer Durand، 1850 — 1924) ئەنگلىيە تەرەپنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، دۇراند كېلىشىمى ، قوشۇمچە قىلىنغان خەرىتىدە كۆرسىتىلگەن چېگرا سىزىقى دۇراند سىزىقى دەپمۇ ئاتالغان. كېلىشىم جەمئىي يەتتە ماددىلىق بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى: ۋاخان كارىدورىدىن پېرسىيە چېگرىسىغىچە بولغان ئافغانىستان زېمىنىنىڭ شەرقىي قىسمى، جەنۇبىي قىسمى بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى چېگرا سىزىقىدا، ئەنگلىيە تەرەپ تەمىنلىگەن خەرىتە ئاساس قىلىنىدۇ؛ ئەنگلىيە ئافغانىستاننىڭ ئاسمالدىن جانناكقىچە بولغان جىلغىنى ساقلاپ قېلىشىغا قوشۇلىدۇ، ئافغانىستان سىفات، باجال، چىترال قاتارلىق جايلارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى تەلىپىدىن ۋاز كېچىشكە قوشۇلىدۇ، قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. دۇراند سىزىقى بۇ رايوندا ئولتۇراقلاشقان پۇشتۇن مىللىتىنى ئىككى دۆلەتكە بۆلۈۋېتىپ، كېيىنكى كۈنلەردىكى «پۇشتۇنىستان مەسىلىسى» نى پەيدا قىلغان.

كابې

  • كابې[يەشمىسى:]»(Etienne Cabet، 1788 — 1856) فرانسىيىلىك خىيالىي كوممۇنىزمچى. ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلىدە ئادۋوكات. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا كاربونارلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1830-يىلىدىكى ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن كورسىكا (Corse) ئارىلىنىڭ تەپتىش باشلىقى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1833-يىلى «ئاۋام» ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، دېموكراتىك ئىدىيىنى تەشۋىق قىلغان. كېيىنكى يىلى چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئەنگلىيىدىكى چېغىدا ئىكارىيە كوممۇنىستىك كۆز قارىشى شەكىللەنگەن. ۋەتىنىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن يېزىقچىلىق ئىشى ۋە تەشۋىقات تەرغىبات پائالىيىتى بىلەن پائال شۇغۇللانغان. 1841-يىلى يەنە «ئاۋام» ژۇرنىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كوممۇنىزم مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئوۋېننىڭ قوللىشى بىلەن 1848-يىلى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدا ئىكارىيە كۆچمەنلەر رايونىنى قۇرغان بولسىمۇ، مەغلۇپ بولغان. كابې باراۋەرلىك، مېھرىبانلىق، بىرلىك ۋە دېموكراتىك ئاساستىكى كوممۇنىستىك غايىۋى جەمئىيەتنى تەسۋىرلەپ بېرىپ، ئۇنى تىنچلىق يولى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن، دەپ تونۇغان. گەرچە ئۇنىڭ مۇستەقىل ئىجادىيىتى بولمىسىمۇ كوممۇنىستىك ئىدىيىنى تارقىتىشتا زور رول ئوينىغان. ئۇنىڭ «ئاممىباپ فرانسىيە ئىنقىلابىي تارىخى (1789 — 1830)»، «ئىكارىيىدىكى ساياھەت خاتىرىلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

كابىر

  • كابىر[يەشمىسى:]»(Kabir، تەخمىنەن 1440 — 1518). ھىندىستان باكتى مەزھىپىنىڭ داھىيسى، شائىر. ئەسلىدە بېنالېس شەھىرىدىكى توقۇمىچىلىق ئىشچىسى (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە تۆمۈرچى ئىكەن) بولۇپ، دادىسى ئىسلام دىنىنىڭ، ئانىسى ھىندى دىنىنىڭ مۇرىتى. ئۇ تائىپە تۈزۈمىگە، بۇدقا چوقۇنۇشقا ۋە چۇۋالچاق دىنىي رەسمىيەتلەرگە قارشى تۇرۇپ، دىننى ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىسلام دىنى بىلەن ھىندى دىنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ، مەيلى قايسى خىل دىن بولسۇن، پەقەت بىرلا ئىلاھ بولۇپ، ئىلاھ ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولىدۇ، دەپ قارىغان ۋە ئىسلام دىنىنىڭ مۇرىتلىرىنى ھىندى دىنىنىڭ مۇرىتلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرغان. كېيىن بېنالېستىن قوغلاپ چىقىرىلغان، شىمالىي ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دىن تارقاتقان، ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ناھايىتى كۆپ بولغان. كۆپلىگەن شېئىرلارنى يازغان.

كابىنېت پەۋقۇلئاددە ئەلچىلەر ئۆمىكى

  • كابىنېت پەۋقۇلئاددە ئەلچىلەر ئۆمىكى[يەشمىسى:]»1946-يىلى ئەنگلىيە كابىنېتى ھىندىستانغا ئەۋەتكەن پەۋقۇلئاددە ئەلچىلەر ئۆمىكى، كابىنېت ئەزالىرىدىن ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرى بوردپاسېك، لاۋرېنسې، سودا ۋەزىرى ستافولد كېرىفۇس ۋە دېڭىز ئارمىيىسى ۋەزىرى ئالېكساندردىن تەركىب تاپقان. ۋەزىپىسى ھىندىستاندىكى ھەرقايسى ساھەنىڭ داھىيلىرى بىلەن مۇستەقىللىك مەسىلىسىنى مەسلىھەتلىشىشتىن ئىبارەت. 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ھىندىستانغا يېتىپ بارغان. دەسلىپىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىيلىرى، تۆرىلەر ۋە ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ داھىيلىرى بىلەن ئۇچراشقان. كېيىن سملادا كونگرېسلار پارتىيىسى ۋە مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى بىلەن ئۈچ قىرلىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ مەغلۇپ بولغان. 5-ئاينىڭ 16-كۈنى كابىنېت پەۋقۇلئاددە ئەلچىلەر ئۆمىكى لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: (1) ئەنگلىيىگە قارام بولغان ھىندىستان ئۆلكىلىرى ۋە يەرلىك بەگلىكلەردىن ھىندىستان فېدېراتسىيىسى تەشكىل قىلىپ، دېپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قاتناشنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، فېدېراتسىيىدە مەمۇرىي ۋە قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىش؛ (2) ئەنگلىيىگە قارام بولغان ئۆلكىلەرنى دىننى ئاساس قىلىپ ئۈچ چوڭ رايون ياكى ئۈچ چوڭ ئۆلكە گۇرۇھىغا يەنى ھىندى دىنى مۇرىتلىرى كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن رايون (مادراس، بومباي، بىرلەشمە ئۆلكە، مەركىزىي ئۆلكە، بىخار ۋە ئورسانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، غەربىي شىمالدىكى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن رايون (پەنجاب ئۆلكىسى، غەربىي شىمال چېگرا ئۆلكىسى، سىند ۋە بېلوجىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە شەرقىي شىمالدىكى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن رايون (بېنگال ۋە ئاسسامنىڭ سىل-خېت رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا بۆلۈش؛ (3) فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇنى تۈزۈش يىغىنىنى ئېچىپ، فېدېراتىيە ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىش؛ (4) ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ پىلان ھىندىستاندىكى ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. 6-ئاينىڭ 29-كۈنى پەۋقۇلئاددە ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەنگلىيىگە قايتىپ كەتكەن.

كابىنېتچىلىق

  • كابىنېتچىلىق[يەشمىسى:]» يەنى «مىللېرانىزم» (Millerand).

كابىيلېس قوزغىلىڭى

  • كابىيلېس قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]»مۇھەممەد موقرانى قوزغىلىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئالجىرىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي تاغلىق رايونىدىكى كابىيلېس (Kabyles) دېھقان-چارۋىچىلىرىنىڭ فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. 1871-يىلى 3-ئايدا مۇھەممەد موقرانى (Muhammed Mokrani) باشچىلىقىدا قوزغالغان. 4-ئايدا ئىمام ھەدداد (HaddadEl) غازات ئې-لان قىلغان. قوزغىلاڭغا ئەرەب ۋە كابىيلېسلاردىن 250 قەبىلە قاتناشقان. 5-ئايدا مۇھەممەد موقرانى شېھىد بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىنىسى ئەھم-ەد بۇمەزراغ (Bu Ahmed Mezrag) قوزغىلاڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، غەربىي ئۆلكىلەرگىچە كېڭەيتكەن. فرانسىيە ھۆكۈمىتى پارىژ كوممۇنىسىنى باستۇرغاندىن كېيىن، ئەسكىرىي كۈچىنى 85 مىڭغا كۆپەيتىپ، قوزغىلاڭچىلارغا بولغان ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن. 7-ئايدا ھەدداد تەسلىم بولغان. فرانسىيە قوشۇنلىرى 1872-يىل 1-ئايدا سەھرا بوستانلىرىدىكى ئاخىرقى بىرنەچچە تايانچ نۇقتىلارنى ئىگىلەپ، ئەھمەد بۇمېزراغنى ئەسىرگە چۈشۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.

كاپ

  • كاپ[يەشمىسى:]» (Wolfgang Kapp،1858 — 1922) گېرمانىيىدىكى 1920-يىلى بولغان ئەكسىلئىنقىلابىي ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ كاتتىبېشى. ياش ۋاقتىدا قانۇن پەنلىرى دوكتۇرى ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، شەرقىي پرۇسسىيىدە يەر مۈلۈك تىجارىتى قىلغان. 1900-يىلى پرۇسسيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىدە مەسلىھەتچى بولغان. 1906 — 1920-يىللىرى شەرقىي پرۇسسىيە يېزا ئىگىلىك كرېدىت بانكىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1917-يىلى ئوڭچىل كونسېرۋاتىپ گېرمانىيە مىللەت پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1920-يىلى 3-ئايدا، دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىدىكى ئەكسىيەتچىل كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مۇنارخىيىلىك ئىستېبداتلىق تۈزۈمنى تىرىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان كاپ توپىلىڭىنى قوزغىغان. يېڭىلگەندىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن.

كاپپادوسىيە

  • كاپپادوسىيە[يەشمىسى:]»(Cappadocia) كىچىك ئاسىيا شەرقىي قىسىم ئېگىزلىك رايونىنىڭ قەدىمكى نامى. ھىتت پادىشاھلىقىنى-ڭ ئورنى. خالىس (Halys) دەرياسى (يەنى بۈگۈنكى تۈركىيىدىكى قىزىل دەرياسى) بۇ رايوننى كېسىپ ئۆتىدۇ. كۆپ قىسىم يەرلىرى ئورمان، يايلاق بولۇپ، يەر ئاستىدا مول كۈمۈش، مىس، تۆمۈر رۇدىلىرى بار. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا «ئىپتىدائىي ھىتتلار» بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ باشلىرىدا بۇ رايونغا ھىندى-ياۋروپا تىللىرىدا سۆزلىشىدىغانلار، روۋى تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار ھىتت تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار، كەينى-كەينىدىن كېلىشكە باشلىغان. ھاتتۇشاش (بۈگۈنكى تۈركىيىدىكى بوغازكۆي ) شەھىرى مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅦ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅢ ئەسىرلەردە ھىتت پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىردە بۇ رايون ئاسسۇرىيە ئىمپېراتورلۇقىغا قوشۇۋېلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە كاپپادوسىيە پېرسىيە، ماكېدونىيە، رىم تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان.

كاپپونى

  • كاپپونى[يەشمىسى:]»(Gino Capponi، 1792 — 1876) ئىتالىيىلىك تارىخشۇناس، ئەدىب ۋە پېداگوگ. ئىتالىيىنىڭ قايتا گۈللىنىش ھەرىكىتى مەزگىلىدىكى توسكانا لىبېرالىست ئاقسۆڭەكلەر ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى. ماركىز. ⅪⅩ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى «ئەدەبىي تاللانمىلار» ژۇرنىلىغا ھەمكارلاشقان لىبېرالىستلار بىلەن بىرلىكتە ئاقارتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن ئىتالىيە مەدەنىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن تۈزۈمى شارائىتىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىتالىيە يېزىلىرىدىكى توسكاناچە يېرىم فېئوداللىق تەڭ تەقسىم قىلىش تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1848-يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە توسكانا ھۆكۈمىتىگە بىر مەزگىل رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە ئىتالىيىدىكى ھەرقايسى كىنەزلەر بىلەن ئۆزئارا كېڭىشىپ، ئىتالىيە فېدېراتىپى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچىنىڭ بارىچە توسقانلىقتىن، خەلق ئاممىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئىتالىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن يۇقىرى پالاتا ئەزاسى بولغان. تارىخقا ئائىت ئەسەرلىرىدە ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەر تارىخىنى نۇقتىلىق ھالدا بايان قىلغان، ئىتالىيىلىكلەرنى يۇنان-لاتىن-خرىستىئان دىنى ئەنئەنىسىنىڭ ۋارىسلىرى دەپ قارىغان. «ئەدەبىي تاللانمىلار» ناملىق ئەسىرى بار.

كاپ توپىلىڭى

  • كاپ توپىلىڭى[يەشمىسى:]»1920-يىلى گېرمانىيىدە يۈز بەرگەن ئەكسىلئىنقىلابىي ھەربىي ئۆزگىرىش. ۋېيمار (Weimar) جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىمپېراتورلۇق تۈزۈم تەرەپدارى بولغان ھەربىيلەر يۆنكىر پومېشچىكلار ۋە بۇرژۇئا ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، پادىشاھلىق تۈزۈمىنى تىكلەپ، ھەربىي ئىستىبداتلىق ئورناتماقچى بولغان. 1920-يىل 3-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئەكسىيەتچى ئەيرخابات قىسىملىرى بېرلىندا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، مىلىتارىست لۇدېندورفنىڭ قوللىشى بىلەن تۆرە پومېشچىك كاپ باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت قۇرغان. سوتسىيال- دېموكراتلار باشچىلىقىدىكى ۋېيمار جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى شتۇتگارتقا قېچىپ كەتكەن. گېرمانىيە ئىشچىلىرى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن دەرھال كۈرەشكە ئاتلىنىپ، ئومۇمىي ئىش تاشلاش ۋە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش يولى بىلەن بۇ قېتىملىق توپىلاڭنى تارمار قىلغان. كاپ 3-ئاينىڭ 17-كۈنى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى بېرلىنغا كۆچۈپ كەلگەن.

كاپرىۋى

  • كاپرىۋى[يەشمىسى:]»(Georg Leo Graf Von Caprivi، 1831 — 1899) پرۇسسىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى ۋە گېرمانىيە ۋەزىرى (1890 — 1894)، گېنېرال. پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1883 — 1888-يىللىرى دېڭىز ئارمىيىسى مىنىستىرلىكىنى باشقۇرغان. 1888-يىلى 10-جۈنتۈەننىڭ قوماندانى بولغان. باش ۋەزىر ۋە ۋەزىر بولۇپ تۇرغان چاغلىرىدا «يېڭى لۇشيەن» نى يولغا قويۇپ، ئىچكى-تاشقى سىياسەتنى تەڭشەپ، ئىشچىلار سىنىپىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن ۋە مۇستەملىكىچىلىك تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. 1890-يىلى روسىيە بىلەن «ئىستراخۇانىيە شەرتنامىسى» نى داۋاملىق تۈزۈشنى رەت قىلغان؛ ئەنگلىيە بىلەن يېقىنلىشىپ، ئىككى تەرەپ زانزىبار بىلەن ھېلگولاند (Helgoland) نى تېگىشىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. 1891-يىلى 5-ئايدا گېرمانىيە-ئاۋسترىيە ئىتتىپاقى شەرتنامىسىنى داۋاملىق تۈزگەن. بازار ۋە خام ئەشياغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ روسىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترىيىلەر بىلەن سودا كېلىشىملىرى ئىمزالاپ، گېرمانىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت باج نىسبىتى ۋە چەت ئەلنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت باج نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەن، بۇنىڭ بىلەن يۇنكېر پومېشچىكلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1892-يىلى ۋە 1894-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، پرۇسسىيە باش ۋەزىرلىكى بىلەن گېرمانىيە ۋەزىرلىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

كاپسا مەدەنىيىتى

  • كاپسا مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]» ئافرىقىدىكى ئوتتۇرا تاش قوراللار دەۋرى مەدەنىيىتى. دەسلەپ 1909-يىلى تۇنىسنىڭ گافسا (Gafsa) شەھىرى يېنىدىكى مىكتا دېگەن يەردە ئېچىلغان. رىم دەۋرىدە گافسا شەھىرى كاپسا (Capsa) دېيىلىدىغانلىقى ئۈچۈن شۇ نام بىلەن ئاتالغان. بۇ خىل مەدەنىيەت شىمالىي ئافرىقىدىكى تۇنىس، جەزائىرلاردا كەڭ تۈردە تارقالغان. لىۋىيىنىڭ سىرېنائىكا (Cyrenaica) ئۆلكىسىدىمۇ مۇشۇ تىپتىكى مەدەنىيەت تېپىلغانلىقتىن، لىبك-كاپسا مەدەنىيىتى دەپ ئاتالغان. بۇ مەدەنىيەتنى تىپىك كاپسا مەدەنىيىتى ۋە كېيىنكى دەۋرلەردىكى كاپسا مەدەنىيىتى دەپ ئىككىگە بۆلۈشكە بولىدۇ. مۇشۇ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن تارتىپ بەزىلەر بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋاقىت پەرقى يوق، پەقەت تاش قوراللارنىڭ گۇرۇپپىلىنىش پەرقىلا بار، دەپ قارىماقتا. بۇ مەدەنىيەتنىڭ قالدۇقلىرىدىن سىپتا تاش قوراللار ۋە چوڭ تىپتىكى تاش قوراللار بار بولۇپ، سىپتا تاش قوراللار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىگىلىكى ئوۋچىلىق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت. بۇ مەدەنىيەت باشتا كونا تاش قوراللار مەدەنىيىتى دەپ قارالغان بولسىمۇ، كېيىن ئوتتۇرا تاش قوراللار مەدەنىيىتى دەپ ئۆزگەرتىلگون.

كاپودىسترىياس

  • كاپودىسترىياس[يەشمىسى:]»(ياكى Istrca، Capo d،Kapodistrias 1776 — 1831) گرېتسىيە جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى (1827 — 1831). كورفۇ ئارىلىدا تۇغۇلغان. ئىتالىيىدە مېدىتسىنا ئوقۇغان. 1799-يىلى كورفۇ ئارىلىدىكى رۇس ئارمىيىسى دوختۇرخانىسىدا باش ۋراچ بولۇپ ئىشلىگەن. 1809 — 1827-يىللىرى روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە خىزمەت قىلغان. 1821-يىلى گرېتسىيە مۇستەقىللىك ئۇرۇشى پارتلىغاندا قوزغىلاڭچىلار لاگېرىدىكى روسىيىپەرەسلەرنىڭ ھەربىي باشلىقى بولۇپ قالغان، قوزغىلاڭغا مالىيە جەھەتتىن ياردەم قىلغان. ئەنگلىيە بىلەن ئاۋسترىيە روسىيىنىڭ تەسىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ ئىشقا ئارىلاشقانلىقتىن، سەپتىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ، شۋېتسارىيىگە كەتكەن. 1827-يىلى قوزغىلاڭچىلار سېپىدىكى ھەرقايسى گۇرۇھلار تەرىپىدىن زۇڭتۇڭ قىلىپ كۆرسىتىلگەن. زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرغىنىدا روسىيە بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىپ، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىنىڭ ئۆچمەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1831-يىلى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

كاپۇيە

  • كاپۇيە[يەشمىسى:]»(Capua) قەدىمكى ئىتالىيە كامپانىيە (Кампания) رايونىنىڭ مەركىزىي شەھىرى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ترويا (Троя) شەھىرى (كىچىك ئاسىيادا) قولدىن كەتكەندىن كېيىن، كاپىيىس (Gapys) ئىتالىيىگە قېچىپ كېلىپ قۇرغانمىش. كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئاۋات-باي شەھەرگە ئايلىنىپ، «ئىككىنچى رىم» دېگەن نامغا ئىگە بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى سامنىئۇم (Samnium) ئۇرۇشى، ئاساسەن، رىملىقلار بىلەن سامنىتلار (Samnites)ئوتتۇرىسىدا كاپۇيە ۋە كامپانىيە رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى تالىشىش ئۇرۇشى بولۇپ، بۇ ئۇرۇشتا رىملىقلار غەلىبە قىلغان . ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشى مەزگىلىدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 208 — 201) كاپۇيە بىر مەھەل گاننىبالغا قارىغان، كېيىن رىمنىڭ قاتتىق ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرىغان. رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىگە كەلگەندە، يەنىلا ئىتالىيىنىڭ مۇھىم سودا-سانائەت چوڭ شەھىرىگە ئايلانغان؛ رىم شەھىرىدىن بېنېۋېنت (جەنۇبىي ئىتالىيە پورتى) قا بارىدىغان «ئاپپىي چوڭ يولى» مۇ كاپۇيىنى تۈگۈن قىلغان. 

كاپېت خاندانلىقى

  • كاپېت خاندانلىقى[يەشمىسى:]»(Capetiens) فرانسىيىدىكى فېئودال خاندانلىق. خاندانلىقنىڭ قۇرغۇچىسى ھۇگو كاپېت (Hugues Capetien) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. خاندانلىق قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا ئۇنىڭ زېمىنى پارىژنى مەركەز قىلغان كىچىككىنە بىر پارچە يەر (فرانسىيە ئارىلى) بىلەنلا چەكلەنگەن. پادىشاھلىق ھوقۇقىمۇ ئاجىز بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت فېئوداللىق بۆلۈنمە ھالەتتە تۇرغان. Ⅻ ئەسىردىن باشلاپ پادىشاھلىق شەھەرلىكلەر ۋە ئوتتۇرا، ئۇششاق فېئوداللارنىڭ قوللىشى ئارقىلىق چوڭ فېئوداللار ھەم ئەنگلىيىنىڭ پىلانتاگېن (Plantagenets) خاندانلىقى بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۆزىنىڭ زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. شۇنىڭدەك ئەدلىيە، مەمۇرىيەت، پۇل قۇيۇش، ھەربىي جەھەتتىكى ھوقۇقلارنى مەركەزلەشتۈرگەن. 1302-يىلى مىسسىئونېر، دىندىن سىرت ئاقسۆڭەكلەر ۋە شەھەر پۇقرالىرى قاتناشقان تۇنجى قېتىملىق ئۈچ دەرىجىلىك يىغىن چاقىرغان. بۇ فرانسىيىدە فېئوداللىق دەرىجە پادىشاھلىق تۈزۈمىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 1328-يىلى خاندانلىقنىڭ ئورنىنى ۋالۇئا خاندانلىقى ئىگىلىگەن. كاپېت خاندانلىقىنىڭ پادىشاھلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان يىللىرى تەرتىپى: ھۇگو كاپېت (987 — 996)، روبېرتⅡ(RobertⅡ، 996 — 1031)،ھې-نرىⅠ (HenryⅠ،1031 — 1060)، فىلىپىپⅠ(PhilippeⅠ، 1060 — 1108)، لۇئىⅥ(LouisⅥ،1108—1137)، لۇئى Ⅶ(LouisⅦ، 1137—1180)، فىلىپىپ Ⅱ(PhilippeⅡ، 1180 — 1223)، لۇئى Ⅷ( LouisⅧ، 1223—1226)، لۇئىⅨ(LouisⅨ، 1226— 1270)، فىلىپىپ Ⅲ(PhilippeⅢ، 1270 — 1285)، فىلىپىپ Ⅳ(PhilippeⅣ،1285 — 1314)، لۇئى Ⅹ(LouisⅩ،1314—1316)، فىلىپىپ Ⅴ (PhilippeⅤ، 1316 — 1322)، چارلېس Ⅳ(CharlesⅣ، 1322 — 1328)

كاپې مۇستەملىكىسى

  • كاپې مۇستەملىكىسى[يەشمىسى:]»ئۈمىد تۇمشۇقى مۇستەملىكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا (ئازانىيىدە) ئەڭ بۇرۇن قۇرغان مۇستەملىكىسى، 1652-يىلى گوللاندىيە شەرقىي ھىندى شىركىتى رىئېبېكنى ئەۋەتىپ ھازىرقى كاپېدا مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. كېيىن بۇ شىركەت قورال كۈچى ۋە ئالداش چارىلىرى ئارقىلىق كوسالارنىڭ قولىدىن تابىل، سالدانىيە، خاۋتىر، فولىس قولتۇقلىرىنى تارتىۋېلىپ ۋە «سېتىۋېلىپ» مۇستەملىكە زېمىنىنى ئىچكى جايلارغا ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فرانسىيە، ئەنگلىيىلەر ئىشغال قىلىۋالغان. 1814-يىلى ئەنگلىيىگە رەسمىي بۆلۈپ بېرىلىپ، ئەنگلىيىگە قاراشلىق ئۈمىد تۇمشۇقى مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. ئەنگلىيە بىر مەھەل ناتالنى قوشۇۋالغان. 1910-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا بىرلەشمىسىگە قوشۇۋېتىلىپ، بىر ئۆلكىگە ئايلانغان.

كاپىتانىيە رايونى

  • كاپىتانىيە رايونى[يەشمىسى:]»يەنى «برازىلىيە كاپىتانىيە رايونى».

كاپىتو

  • كاپىتو[يەشمىسى:]» (Ateius Capito ؟ — 22) قەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قانۇنشۇناس. كاپىتو (مىلادىدىن 55 يىل ئىلگىرى تىرىبون بولغان) نىڭ ئوغلى. مىلادى 5-يىلى ئارخونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاۋگوستۇس (Augustus) ۋە تىبېرىئۇس (Tiberius) لار تەختتىكى ۋاقتىدا سۇچىلىق نازارەتچىسى (Curator Aguarum ، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەمەلدارىنىڭ ياردەمچىسى، مىلادى 13 — 22-يىللار) بولغان. قانۇنغا دائىر بىر قىسىم ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، ئىمپېراتور يۇستىنىئانⅠ (JustinianosⅠ، Ⅵ ئەسىر) نىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن «ھەق تەلەپ قامۇسى» نىڭ «تەلىماتلار توپلىمى» دا ئىشلىتىلگەن. ئۇ لابېئو بىلەن زامانداش بولۇپ، ئۇلار شۇ زاماننىڭ مەشھۇر قانۇنشۇناسلىرى بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ قانۇنشۇناسلىق ئىلمىي ئېقىمىنى ياراتقان. كاپىتونىڭ شاگىرتى سابىنۇس (Masurius Sabinus) مۇ شۆھرەت قازانغانلىقتىن بۇ ئېقىمدىكىلەر «سابىنچىلار» (Sabiniani) دەپ ئاتالغان. لابېئو ئېقىمىدىكىلەر ئۇنىڭ شاگىرتى پروكۇلۇس (Proculus ) نىڭ نامى بىلەن «پروكۇلچىلار» (Proculeiani) دەپ ئاتالغان. 

كاپىرلار ئۇرۇشى

  • كاپىرلار ئۇرۇشى[يەشمىسى:]»كاپ چېگرا ئۇرۇشى، چېگرا ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گوللاندىيە بىلەن ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كوسا خەلقى (Xhosa) نى مۇستەملىكە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان يۈز يىللىق (1779 — 1879) ئۇرۇش. كاپىر (ئەرەبچە: كافر) ئەرەبچە سۆز بولۇپ، بىدئەت دېگەنلىك. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى كوسالار رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئۈچ قېتىم (1779-، 1793-ۋە 1799 — 1801) ئۇرۇش قوزغىغان. كوسالار كيې (Kie) دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن زۇرۋېلد (Zuurveld) رايونىغا قوغلىۋېتىلگەن. ئەنگلىيە كاپ مۇستەملىكە زېمىنىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن يەنە كۆپ قېتىم مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشى قوزغىغان. كوسالار 1811-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئېزىشىگە چىدىماي، قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. كېيىنكى يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن يېڭىلىپ زۇرۋېلد رايونىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1818-يىلى ئاقساقال ئىندلامبې (Ndlambe، 1740 — 1828) 10 مىڭ كوسانى باشلاپ چوڭ فىش (Fish) دەرياسىدىن ئۆتۈپ كاپ مۇستەملىكىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، گېرمىستوۋن (Grahastown) بازىرىنى قورشىۋالغان. كېيىن باستۇرۇلغان، 1834-يىلى ئاقساقال ماكوما (Maqoma ياكى Macoma ياكى Macomo، 1798 — 1873) 12 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ كاپ مۇستەملىكىسىگە ھۇجۇم قىلغان. كېيىنكى يىلى ئەنگلىيە قوشۇنى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، كيې دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىپ، ئەنگلىيىگە قارام كافىرىيە (Kaffraria) مۇستەملىكىسىنى قۇرغان. كېيىن ئۇ يەرنى ھامىيلىقتىكى زېمىن دەپ ئېلان قىلغان. كوسا خەلقى 1846 — 1847، 1850 — 1853 ۋە 1877 — 1879-يىللىرى كۆپ قېتىملار قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا يېڭىلىۋەرگەن ھەمدە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى پوندولاند (Pondoland) رايونىغا قوغلىۋېتىلگەن.

كاپىلاۋاستۇ

  • كاپىلاۋاستۇ[يەشمىسى:]» (Kapilavastu) ھىندىستاندىكى قەدىمكى شەھەر، ھازىرقى نېپالنىڭ جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ. بۇددا دىنىنىڭ ئىجادچىسى ساكيامۇنىنىڭ يۇرتى. ساكيا دۆلىتى سۇددودانانىڭ پايتەختى، تارىختا دۆلەتنى شەھەرنىڭ نامى بىلەن ئاتىغاچقا كاپىلاۋاستۇ دۆلىتى دەپ ئاتالغان. كېيىن كوسالا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.

كاتارگىئۇ

  • كاتارگىئۇ[يەشمىسى:]»(Lascar Catargiu، 1823 — 1899) رومىنىيە ھۆكۈمەت باشلىقى (1866، 1871 — 1876، 1889، 1891 — 1895). كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. 1864-يىلى رومىنىيىدە يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى مەقسەت قىلغان يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتىغا قارشى چىققان. 1866-يىلى كىنەز كۇزانى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، نىكولاي گولېسكۇ (Nicolae Golescu، 1810 — 1878) ۋە پولكوۋنىك ن.خارالامبېې (Nicolae Haralambie، 1835 — 1908) لار بىلەن ئۈچ كىشىلىك مۇۋەققەت ھۆكۈمەت قۇرغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چاغدا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىغا قارشى قاتتىق تەدبىر قوللانغان. 1875-يىلى چوڭ يەر ئىگىلىرىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈپ، ئاۋسترىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى رومىنىيىگە ئېلىپ كىرىشتە ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى ئېلىپ تاشلىغان ياكى ئازايتقان. 1877 — 1878-يىللىرىدىكى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە رومىنىيىنىڭ روسىيە تەرەپتە تۇرۇپ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشىغا قارشى تۇرغان.

كاتالۇنا دېھقانلار قوزغىلىڭى

  • كاتالۇنا دېھقانلار قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]»ئاراگون (Aragon) پادىشاھلىقىنىڭ كاتالۇنا (Gataluna، كاتالۇنىيە دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) رايونىدا پارتلىغان دېھقانلار قوزغىلىڭى. جەمئىي ئىككى قېتىم بولغان. (1) 1462 — 1472-يىللىرىدىكى قوزغىلاڭ. رەھبىرى كىچىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ۋېرنتاللات (Verntallat). قوزغىلاڭچى دېھقانلار شەھەر قەلئەسىگە ھۇجۇم قىلىپ، يانچىلىق تۈزۈمى ۋە قالاق ئادەتلەرنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان، قوزغىلاڭ كاتالۇنانىڭ كەڭ رايونلىرىنى قاپلىغان. كېيىن كورۇل جۇئانⅡ (JuanⅡ) ۋېرنتاللاتنى سېتىۋالغانلىقتىن، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. (2) 1484 — 1486-يىللىرىدىكى قوزغىلاڭ. رەھبىرى سالا (Sala).قوزغىلاڭ بىر مەزگىل خېلى راۋاج تاپقان بولسىمۇ، لېكىن 1485-يىلدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، سالا ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلگەن. قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ قالدۇقى كۈرەشنى 1486-يىلغىچە داۋاملاشتۇرغان. شۇ يىلى 4-ئايدا كورۇل فېرناندوⅡ كاتالۇنا رايونىدىكى يانچىلار مەلۇم ساندا پۇل تۆلەش شەرتى ئاستىدا، قالاق ئادەتلەرنى بىكار قىلىشقا ۋە بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن بىر پەرماننى جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان.

كاتاماسېن

  • كاتاماسېن[يەشمىسى:]» (1859 — 1933) ياپونىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى. نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ۋە مەتبەئە ئىشچىسى بولغان. 1884-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ئىشلىگەن، 1895-يىلى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1896-يىلى، دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1897-يىلى، ياپونىيە بويىچە ئەڭ دەسلەپكى ئىشچىلار ژۇرنىلى «ئەمگەكچىلەر دۇنياسى» نى چىقارغان. 1898-يىلى كوتوكۇشۇسوي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ سوتسىيالىزم تەتقىقات جەمئىيىتىنى قۇرغان. 1901-يىلى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئامىستېردام يىغىنىغا قاتنىشىپ، پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. 1906-يىلى 12-ئايدا، توكيودىكى تراللىبوس ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، 1914-يىلى ئامېرىكىغا كەتكەن. 1919-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا، مېكسىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كومپارتىيىلەرنىڭ قۇرۇلۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان. 1921-يىلى لېنىننىڭ تەكلىپى بىلەن موسكۋاغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 1922-يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ دائىمىي ئىجرائىيە ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ياپونىيە كومپارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلغان. 1927-يىلى بىرىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا جاھانگىرلىككە قارشى ئىتتىپاقنىڭ ئىجرائىيە ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. شۇنداقلا خەلقئارا قىزىل كرېست ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. جۇڭگو ۋە ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنى پائال قوللىغان. 1931-يىلى «18-سېنتەبر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپونىيە خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشىغا قارشى كۈرەش قىلغان. 1933-يىل 11-ئاينىڭ 5-كۈنى موسكۋادا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ «ياپونىيە ئەمگەكچىلەر ھەرىكىتى»، «كاتاماسېن تەرجىمىھالى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. كېيىن ئۈچ توملۇق «كاتاماسېن ئەسەرلىرى توپلىمى» نەشىر قىلىنغان.

كاتاماياتېتسۇ

  • كاتاماياتېتسۇ[يەشمىسى:]»(1887 — 1978) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1947 — 1948). خرىستىئان مۇخلىسى. توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن. ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئابى ئىسوئونىڭ (1865 — 1949) خرىستىئان سوتسىيالىزمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.ياپونىيە باش ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قانۇن بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ياپونىيە دېھقانلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى بولغان. 1926-يىلى سوتسىيال ئاۋام پارتىيىسىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1930-يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1932-يىلى سوتسىيال ئاۋام پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، مەركىزىي ئىجرائىيە ئەزاسى، ئەمگەكچىلەر كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1940-يىلى ئارمىيىگە قارشى نۇتۇق سۆزلىگەن. خەلق ئىشلىرى پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى سەيتونى جازالاشقا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن سوتسىيال ئاۋام پارتىيىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1945-يىلى ياپونىيە سوتسىيال پارتىيىسى قۇرۇلغان چاغدا سېكرىتارلار مۇدىرى بولغان. كېيىن باش مۇدىرلىققا سايلانغان. 1947-يىلى 5-ئايدا، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ئىچكى كابىنېتىنى تەشكىللەپ، ئىككىنچى يىلى 2-ئايدا پارتىيە ئىچىدىكى سولچىلارنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1955-يىلدىن باشلاپ سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى بولغان. 1956-يىلى جۇڭگو-ياپونىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى مۇدىرى بولۇپ سايلانغان. 1960-يىلدىن باشلاپ خەلق سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى بولغان. «دېموكراتىك سىياسىي ھەققىدە ئەسلىمە ۋە نەزەر»، «ئابى ئىسونىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

كاتتانېئو

  • كاتتانېئو[يەشمىسى:]»(Carlo Cattaneo، 1801 — 1869) ئىتالىيە گۈللىنىش ھەرىكىتىدىكى بۇرژۇئا دېموكراتلىرىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى. ئالىم. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-، 40-يىللىرىدا مىلاندا«دۇنيا يىللىق مەجمۇئەسى» نى تەھرىرلەشكە قاتناشقان. كېيىن، «ئۇنىۋېرسال تېخنىكا پەنلىرى» ژۇرنىلىنى نەشىر قىلىپ، ئىقتىساد، تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرىگە دائىر ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. 1848-يىلى 3-ئايدا مىلان قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلگەندە، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ھەربىي ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ كېتىپ، 1848 — 1849-يىللاردىكى ئىتالىيە ئىنقىلابىنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئىتالىيە دېموكراتلىرى ئۈچۈن ئەركىن ۋە مۇستەقىل ئىتالىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان سىياسىي پروگراممىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۆمۈر بويى پەلسەپە، ئىقتىساد، تارىخ، تىلشۇناسلىق، جۇغراپىيە ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ پەن-تېخنىكىنى كېڭەيتىش — ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم شەرتى، دەپ تونۇغان. ئۇ ئىتالىيە بويىچە ھىندىستان، جۇڭگو ۋە ئامېرىكا قىتئەسى خەلقلىرى تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانغان بىرىنچى تۈركۈمدىكى تارىخشۇناس. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى: «1848-يىلدىكى مىلان قوزغىلىڭى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇرۇش» ۋە «پىئۇسⅨ(PiusⅨ) نىڭ تەختكە ئولتۇرۇشىدىن تاكى ۋېنېتسىيىنى تاشلىۋەتكىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىتالىيە مەسىلىلىرىگە دائىر ئۈچ يىللىق ئارخىپ».

كاتو

  • كاتو[يەشمىسى:]»(1) چوڭ كاتو (Marcus Porcius Cato، مىلادىدىن ئىلگىرى 234-149). قەدىمكى رىم سىياسىئونى ۋە يازغۇچىسى. ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەربىي (مىلادىدىن 217 يىل ئىلگىرى) بولغان، كېيىن ئىسپانىيە (مىلادىدىن 195 يىل ئىلگىرى)، ماكېدونىيە (مىلادىدىن 191 يىل ئىلگىرى) لەردە ئۇرۇش قىلغان. مالىيە ئەمەلدارى (مىلادىدىن 204 يىل ئىلگىرى)، چوڭ سوتچى (مىلادىدىن 198 يىل ئىلگىرى) كونسۇل (مىلادىدىن 195 يىل ئىلگىرى)، پروكور (مىلادىدىن 184 يىل ئىلگىرى) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن؛ رىم ئەنئەنىسىنى قوغداپ، يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ كىرىشىگە قارشى تۇرغان ھەمدە كارفاگېننى يوقىتىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشەببۇس قىلغان. لاتىن نەسرىي ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى، ئۇنىڭ يەتتە توملۇق «رىم تارىخىي مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈش» دېگەن ئەسىرى بولۇپ، ئۇ رىمنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى تارىخ كىتابى ھېسابلىنىدۇ، ھازىر پارچىلىرىلا ساقلىنىپ قالغان. يەنە «دېھقانچىلىق تەزكىرىسى» دېگەن ئەسىرى بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ ئەسەرنى بىر دوستى ئۈچۈن يازغانىكەن، ئۇنىڭدا ئېكىنزارلىقلارنى باشقۇرۇش ۋە بېيىشنىڭ يولى سۆزلەنگەن بولۇپ، ئۇ رىم جۇمھۇرىيىتى قۇللۇق تۈزۈمى ئىگىلىكىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئەسەر تولۇق ساقلىنىپ قالغان. (2) كىچىك كاتو (Marcus Porcius Cato، مىلادىدىن ئىلگىرى 95 — 46) قەدىمكى رىم سىياسىئونى. چوڭ كاتونىڭ چەۋرىسى. ستوئىكچىلار (Стоики) پەلسەپىسىنىڭ مۇرىتى. مىلادىدىن 63 يىل ئىلگىرى سىناتتا نۇتۇق سۆزلەپ، سىسېرونى قوللاپ، كاتىلىناچىلارنى ئۆلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قوغدىغان. ترىبۇنى (Tribuni) بولغان مەزگىلدە (مىلادىدىن 62 يىل ئىلگىرى) پومپېينى قوللايدىغان ترىبۇن كۇنتۇمېتې-للاس (Quintus Metellas) قا قارشى تۇرغان ھەمدە مىلادىدىن 60 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان ئۈچ كىشىلىك ئىتتىپاققا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان. كېيىن پومپېيچىلارغا قاتنىشىپ، كائېسارغا قارشى تۇرغان. پارسالۇ (Pharsalus) جېڭى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 48 يىل ئىلگىرى) دە كائېسار غەلىبە قىلغاندا، شىمالىي ئافرىقىدىكى ئۇتىكا (Ytnka) غا بارغان. كائېسارنىڭ لەشكەرلىرى تاپۇس (Thapsus شىمالىي ئافرىقىدا) قا يېقىنلاشقاندا ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

كاتو توموسابۇرو

  • كاتو توموسابۇرو[يەشمىسى:]»(1861 — 1923) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1922 — 1923). دېڭىز ئارمىيە مارشالى. خىروسىمادىكى سامۇراي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان دېڭىز ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئېيىنۇ پاراخوتلۇق زەمبىرەكچىلەرنىڭ باشلىقى بولغان. ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بىرلەشمە فلوتنىڭ شتاب باشلىقى بولۇپ، ياپون دېڭىزى ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كۇرې بازىرى مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى، بىرىنچى فلوتنىڭ قوماندانى بولغان. 1915-يىلى دېڭىز ئارمىيىسى ئادمىراللىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ، ئارقا-ئارقىدىن ئوكۇما، تېرائۇچى، خاراكې، تاكاخاشى كابىنېتلىرىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1921-يىلى تۇنجى قېتىملىق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىل سۈپىتىدە، ۋاشىنگتون يىغىنىغا قاتنىشىپ، بەش كۈچلۈك دۆلەتنىڭ دېڭىز ئارمىيە كېلىشىمى ۋە جۇڭگوغا قارىتىلغان توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولغان. ئىككىنچى يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كابىنېت ئۇيۇشتۇرۇپ، قوشۇمچە دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. ھەربىي خادىملارنى قىسقارتىش، مالىيەنى تەرتىپكە سېلىش سىياسىتىنى قوللانغان، لېكىن ئومۇمىي سايلام قانۇن لايىھىسىگە قارشى تۇرغان.

كاتوخىرويۇكى

  • كاتوخىرويۇكى[يەشمىسى:]»(1836 — 1916) ياپونىيىلىك سىياسىئون. قانۇن ۋە ئەدەبىيات دوكتورى. ياش ۋاقتىدا ساكۇما شوزو (1811 — 1864) نى ئۇستاز تۇتۇپ، ھەربىي ئىلىم ۋە چەت ئەل بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن. كېيىن شوگناتنىڭ چەت ئەل تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، غەربنىڭ سىياسىي ۋە قانۇنلىرىنى ئۆگەنگەن. يېڭىلىققا كۆچكەندىن كېيىن، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ باش نايىپى، ئىجتىمائىي پەنلەر باشقارمىسىنىڭ باش نايىپى، توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئىمپېرىيە ئالىملار يۇرتىنىڭ مۇدىرى بولغان، پەلسەپە، قانۇن، سىياسىي ۋە بىئولوگىيە پەنلىرىنى تەتقىق قىلغان. مېيجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، تەبىئىي كىشىلىك ھوقۇقىنى تەكىتلەپ، ئاساسىي قانۇنچىلىقنى تەشەببۇس قىلغان. لېكىن ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى مەزگىلىدە، خەلق سايلىمى پالاتاسىنى قۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، ئوئى كېنتارو بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلىشقان. كېيىن دۆلەت ئورگانىزمى نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلىپ، تېننو ئورگان تەلىماتىنى ئىنكار قىلغان. ئۇنىڭ «ھەقىقىي سىياسىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى»،«دۆلەت تۈزۈلمىسى توغرىسىدا يېڭى نەزەرىيە»، «كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدا يېڭى تەلىمات»، «كۈچلۈكلەرنىڭ ھوقۇق تالىشىشى»، «ئەخلاقىي قانۇنىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ قائىدىلىرى»، «تەبىئەت ۋ ئېتىكا»، «دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى توغرىسىدا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

كاتوشىگې

  • كاتوشىگې[يەشمىسى:]»(Kato shige، 1880 — 1946) ياپونىيىلىك تارىخشۇناس. ئەدەبىيات دوكتورى. 1906-يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تارىخى بويىچە تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسلىرىنى تۈگەتكەن. 1936-يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. مەخسۇس جۇڭگونىڭ ئىگىلىك تارىخىنى تەتقىق قىلغان. جۇڭگونىڭ يەر تۈزۈمى تارىخى، پۇل تۈزۈمى تارىخى، سانائەت تارىخى ۋە مالىيە تارىخىنى مۇھاكىمە قىلغان. ئاساسلىق ئەسىرىدىن «تاڭ-سۇڭ دەۋرى كۈمۈش پۇلى توغرىسىدا تەتقىقات» قاتارلىقلار بار. ماقالىلىرى «جۇڭگو ئىگىلىك تارىخىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش» قا كىرگۈزۈلگەن.

كاتو-كامبرېژ سۈلھ شەرتنامىسى

  • كاتو-كامبرېژ سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:]» ئىتالىيە ئۇرۇشى (1494 — 1559) نى ئاياغلاشتۇرغان سۈلھ شەرتنامە. 1559-يىلى 4-ئايدا كاتۇ-كامبرېژ (Cambresis-Le Caleau، بۈگۈنكى فرانسىيىنىڭ نور ئۆلكىسىدە) شەھىرىدە تۈزۈلگەن. فرانسىيە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەنگلىيە ۋە ئىسپانىيە بىلەن ئىمزالىغان ئىككى سۈلھ شەرتنامىدىن تەركىب تاپقان. شەرتنامىگە بىنائەن فرانسىيە ئۆزىنىڭ 1552-يىلدىن بېرى بېسىۋالغان ئىتالىيە زېمىنلىرىدىن ۋاز كېچىپ، پەقەت سالۇززۇ (Saluzzo) گېرتسوگ سۇيۇرغالى، تۇرىن (Turin)، پىنېرولو (Pinerolo، تۇرىننىڭ غەربىي جەنۇبىدا) ۋە ئاستى (Asti) نىلا ساقلاپ قالغان. يەنە ئىسپانىيىگە قاراشلىق نىدېرلاندىيە ۋە لوررىنلاردىكى كەڭ زېمىندىن ۋاز كېچىپ پەقەت لوررىندىكى تۇل (Toul)، ۋېردۇن (Verdun) ۋە مېتىس (Metz) دىن ئىبارەت ئۈچ ئېپىسكوپلۇق رايوننىلا ساقلاپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، فرانسىيە ئەنگلىيىدىن كالاي (Catais) پورتىنى پۇل تۆلەپ قايتۇرۇۋالغان. ئىسپانىيە مىلان كىنەزلىكى، ناپلېس پادىشاھلىقى، سىتسىلىيە ئارىلى ۋە ساردىنىيە ئارىلى قاتارلىق ئىتالىيىنىڭ كەڭ بىر پارچە زېمىنىنى ئىگىلىگەن. فلورېنسىيە ۋە گېنۇيە (Genoa) لەرمۇ زېمىنىنى كېڭەيتكەن. فرانسىيە 1536-يىلى بېسىۋالغان ساۋوي كىنەزلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. بۇ سۈلھ شەرتنامە فرانسىيىنىڭ ئىتالىيىدىكى تەسىر كۈچى ئورنىنى ئىسپانىيىنىڭ ئىگىلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

كاتوكومېئى

  • كاتوكومېئى[يەشمىسى:]»(1860 — 1926)، ياپونىيە باش ۋەزىرى (1924 — 1926)، ئايچى ناھىيىسىدىن. توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ياش ۋاقتىدا متسوبىشى شىركىتىگە قاتنىشىپ، ئەنگلىيىگە بېرىپ ئوقۇغان. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن متسوبىشى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولغان. 1888-يىلى سىياسىي ساھەگە كىرىپ، ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى (1895 — 1899)، مالىيە ۋەزىرى (1900 — 1901، 1906، 1913، 1914 — 1915) بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، جۇڭگوغا قارىتا «21 ماددا» نى ئوتتۇرىغا قويۇشنى پىلانلىغان. 1916-يىلى ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي جەمئىيەتنى تەشكىللەپ، ئۇنىڭ باش ھۆكۈمدارلىقىغا سايلانغان. 1924-يىلى ئاساسىي قانۇننى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ئاساسىي قانۇننى ھىمايە قىلغۇچى ئۈچ تەرەپ (ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي جەمئىيەت، مەسلەكداشلار جەمئىيىتى، يېڭىلىققا كۆچۈش كۇلۇبى) كابىنېتىنى تەشكىللىگەن. ئۈچ تەرەپ كابىنېتى بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن، 1925-يىلى 8-ئايدا يېڭىباشتىن كابىنېت (ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي جەمئىيەت كابىنېتى) تەشكىللىگەن، ئىككىنچى يىلى 1-ئايدا خىزمەت ئىشلەۋېتىپ كېسەل بىلەن ئۆلگەن.

كاتولىكا دىنى

  • كاتولىكا دىنى[يەشمىسى:]»يەنى «كاتولىك دىنى». «كاتولىكا» كاتولىك دىنىنىڭ لاتىنچە نامى Catholica نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى.

كاتولىك بىرلەشمىسى

  • كاتولىك بىرلەشمىسى[يەشمىسى:]»1609-يىلى گېرمانىيىدىكى كاتولىك دىنى كىنەزلىكلىرى بىلەن كىچىك فېئوداللار قۇرغان سىياسىي، ھەربىي ئىتتىپاق. باۋارىيە كىنەزى ماكسىمىلىئان Ⅰ نىڭ باشچىلىقىدا، 1608-يىلى قۇرۇلغان پېروتېستانت دىنى بىرلەشمىسى بىلەن قارشىلاشقان. بىرلەشمە ئىسپانىيىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ تىللىنىڭ قوماندانلىقىدا بىر قوشۇن تەشكىللىگەن. 1619-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى فېرناندوⅡ بىلەن بىرلىشىپ، ئوتتۇز يىللىق ئۇرۇشقا ئاكتىپ قاتناشقان. تىللى 1620-يىلى 11-ئايدا بىرلەشمىنىڭ قوشۇنىنى باشلاپ بىلا تېغى (ئاق تاغ) جېڭىدە چېخ قوشۇنىنى يەڭگەن، كېيىن يەنە دانىيىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 1626-يىلقى يۇقىرى ئاۋسترىيە دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا ئىشتىراك قىلغان. 1632-يىلى شۋېتسىيە كورۇلى گوستاۋ ئادولىف Ⅱ تەرىپىدىن يېڭىلگەن. 1635-يىلى ئىمزالانغان «پارىژ سۈلھىسى»گە ئاساسەن بىرلەشمە شۇ يىلى تارقىلىپ كەتكەن. 

كاتولىك چېركاۋىنىڭ زور بۆلۈنۈشى

  • كاتولىك چېركاۋىنىڭ زور بۆلۈنۈشى[يەشمىسى:]» كاتولىك چېركاۋىنىڭ 1378 — 1417-يىللاردىكى بىرىنچى قېتىملىق بۆلۈنۈشى. 1377-يىلى فرانسىيە تەۋەلىكىدىكى پاپا گرىگورىⅪ تۇراق جايىنى ئاۋىگنوندىن رىمغا يۆتكەپ كەلگەن («ئاۋىگنون پاپاسى»غا قاراڭ). كېيىنكى يىلى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئىتالىيە كاردىناللار ئىتتىپاقى رىمدا ئۇربانۇس Ⅵ ( UrbanusⅥ 1378 — 1389-يىللىرى پاپا بولغان) نى پاپا قىلىپ سايلىغان. فرانسىيە كاردىناللار ئىتتىپاقى ئاۋىگنوندا كلېمېنت Ⅶ(ClementⅦ، 1378— 1394-يىللىرى پاپا بولغان) نى پاپا قىلىپ سايلىغان. نەتىجىدە ئىككى پاپا مەيدانغا كەلگەن. ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمىدىكى ھەرقايسى كىچىك دۆلەتلەر، ئەنگلىيە، گېرمانىيىدىكى كۆپ قىسىم كىنەزلىكلەر، ۋېنگرىيە ۋە سكاندىناىنوۋىيىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئالدىنقىسىنى، فرانسىيە، ناپولى، سىتسىلىيە، ئىسپانىيە، گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كىنەزلىكلەر كېيىنكىسىنى ھىمايە قىلغان. چېركاۋنىڭ بۆلۈنۈشىنى ئوڭشاش ئۈچۈن، 1409-يىلى 3-ئايدا ئىتالىيىدىكى پىسادا دىنىي يىغىن ئېچىلىپ، ئالېكساندرⅤ (AlexanderⅤ 1409— 1410-يىل-لىرى تەختتە ئولتۇرغان) يېڭى پاپا قىلىپ سايلانغان بولسىمۇ، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىككى پاپا ئورۇن بوشىتىپ بېرىشنى رەت قىلغان. نەتىجىدە ئۈچ پاپا تەڭ تىركىشىپ تۇرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. كونستانىز يىغىنى مەزگىلىگە (1414 — 1418) كەلگەندىلا، ئاندىن 1417-يىلى تەختتىكى ئۈچ پاپا قالدۇرۇلۇپ، باشقىدىن يېڭى پاپا مارتىنوسⅤ ( MartnusⅤ 1417 — 1431-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) سايلىنىپ، ئۇزۇن مۇددەت رىمدا تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن قىرىق يىلغا يېقىن داۋاملاشقان كاتولىك چېركاۋىدىكى زور بۆلۈنۈش ئاخىرلاشقان.

كاتولىك دىنى

  • كاتولىك دىنى[يەشمىسى:]» بەزىدە خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانت مەزھىپىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن كونا دىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خرىستىئان دىنىنىڭ بىر مەزھىپى، پراۋوسلاۋىيە دىنى، پروتېستانت دىنى بىلەن بىللە خرىستىئان دىنىنىڭ ئۈچ چوڭ مەزھىپى دەپ ئاتالغان. خرىستىئان دىنى مىلادى Ⅱ، Ⅲ ئەسىرلەردە رىم ئىمپېرىيىسىگە كەڭ كۆلەمدە تارقالغاندىن كېيىن، تەدرىجىي ھالدا گرېك تىلى رايونلىرىنى مەركەز قىلغان شەرقىي چېركاۋ ۋە لاتىن تىلى رايونلىرىنى مەركەز قىلغان غەربىي چېركاۋ شەكىللەنگەن. مىلادى 395-يىلى رىم ئىمپېرىيىسى شەرقىي ۋە غەربىي قىسىملارغا بۆلۈنۈپ كەتكەندە، خرىستىئان دىنىمۇ ئەمەلىيەتتە ئىككى چوڭ مەزھەپكە بۆلۈنۈپ كەتكەن (رەسمىي بۆلۈنۈشى 1054-يىلى يۈز بەرگەن). شەرقىي چېركاۋ پراۋوسلاۋىيە دىنى دېيىلىپ، كونستانتىنوپول كاردىنالىنىڭ باشچىلىقىدا بولغان. غەربىي چېركاۋ كاتولىك دىنى دېيىلىپ، ئۇنىڭ كاتتىبېشى مىلادى Ⅴ ئەسىردىن باشلاپ ئۆزىنى پاپا دەپ ئاتىغان. مىلادى 756-يىلى، فرانك كورۇلى پېپىن (پەتەك) رىمدىن راۋېنناغىچە بولغان جايلارنى پاپاغا ھەدىيە قىلغان، بۇ پاپا دۆلىتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن رىم پاپاسى ھەم كاتولىك دىنىنىڭ كاتتىبېشى، ھەم بىر دۆلەتنىڭ پادىشاھى بولۇپ قالغان. ھەرقايسى جايلاردىكى چېركاۋلارمۇ دىندىن خالىي فېئوداللارنىڭ ھەدىيەلىرىگە ئېرىشىپ، فېئودال چوڭ يەر ئىگىلىرىگە ئايلانغان. مىلادى Ⅷ ئەسىردىن Ⅹ ئەسىرگىچە رىم پاپاسىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فرانك كورۇلىنىڭ ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پوپلارنىڭ چىرىكلىشىپ چۈشكۈنلىشىپ، دىندىن خالىي فېئوداللار بىلەن بىرلىشىپ ئەسكىلىك قىلىشى،چېركاۋنىڭ ئىناۋىتىنى زور دەرىجىدە چۈشۈرۈۋەتكەن. شۇڭا، Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن Ⅺ ئەسىرگىچە كاتولىك چېركاۋنىڭ ئىچكى قىسمىدا كلونىي ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ، پوپلارنىڭ دىندىن چەتنىشى چەكلىنىپ، چېركاۋ بولۇپمۇ پاپانىڭ ئورنى كۈچەيتىلگەن. پاپا ئىننوسنىتىئوس Ⅲ نىڭ ۋاقتىغا (1216 — 1198) كەلگەندە، ئاراگون، پورتۇگالىيە، بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ ئىتائەت قىلىپ، پاپانىڭ تەسىر كۈچى بىر مەھەل تازا روناق تاپقان. بىدئەت ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىدئەتلەرگە ھۆكۈم كېسىش ئورنى تەسىس قىلىنغان، يەنە دومىنىكا ۋە فرانىتىسىكا جەمئىيەتلىرى قۇرۇلغان ھەمدە پەلسەپە، سىياسەت، قانۇن قاتارلىقلار كاتولىك تېئولوگىيىسىنىڭ كونتروللۇقىغا ئېلىنغان. كېيىن غەربىي ياۋروپادىكى ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە، پادىشاھلىق ھوقۇقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ پاپانىڭ ھوقۇق كۈچى ئاجىزلىشىپ بارغان. ⅩⅥ ئەسىردىكى ياۋروپادىكى دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىدە كاتولىك دىنى ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، بەزى دۆلەت ۋە رايونلاردا پروتېستانت دىنى كاتولىك دىنىنىڭ ئورنىنى ئالغان، دىنىي ئىسلاھاتقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، 1534-يىلى ئەيسا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغان. ⅩⅦ ئەسىردىن ⅪⅩ ئەسىرگىچە بولغان بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى داۋامىدا، كاتولىك دىنى فېئودال ئەكسىيەتچى كۈچلەرنى قوللىغان. ھازىر، ئاساسەن ئىتالىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، فرانسىيە، بېلگىيە، ئاۋسترىيە، پولشا، ۋېنگرىيە ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەمدە ئامېرىكا قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگوغا تارقىلىپ كىرگەن، يۈەن سۇلالىسى ئاخىرلاشقاندا ئۈزۈلۈپ قالغان. 1582-يىلى (مىڭ سۇلالىسى ۋەنلىنىڭ 10-يىلى) يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا تارقالغان. ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇستەملىكىچىلەر، جاھانگىرلار تەرىپىدىن جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش قورالى قىلىپ پايدىلىنىلغان. 

كاتولىك ئىتتىپاقى

  • كاتولىك ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]» فرانسىيە خۇگۇينوت ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىر قىسىم كاتولىك دىنى پوپلىرى ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ گىنرى گۇئىسىنىڭ باشچىلىقىدا 1576-يىلى 5-ئايدا پېرون (Péronne ، فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدا) دا قۇرغان ئىتتىپاقى. خۇگۇينوت مەزھىپىدىكىلەر بىلەن رىقابەتلىشىش ھەمدە پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئاجىزلىتىشقا تىرىشىشنى مەقسەت قىلغان. 1577-يىلى فرانسىيە پادىشاھى ھېنرى Ⅲ تەرىپىدىن تەقىپ قىلىنغان. كېيىن يەنە پائالىيىتىنى بىر مەھەل ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

كاتۇللۇس

  • كاتۇللۇس[يەشمىسى:]» (Gaius Valerius Catullus، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 84 — 54) قەدىمكى رىم شائىرى. ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى ۋېرونا (Verona)دا تۇغۇلغان. كىچىكىدىلا رىمغا كۆچۈپ كېلىپ «يېڭى شائىرلار»قاتارىغا قوشۇلغان. ئۇ يەردە تىسېرو بىلەن دوست بولغان ۋە ئۇنى «رىملىقلارنىڭ بۈيۈك سۆزمىنى» دەپ ئاتىغان. جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قوللاپ، شېئىرلىرىدا كائېسار ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەسەرلىرى 110 نەچچە كۇپلېت بولۇپ، بولۇپمۇ لېسبىيە (Lesbia) گە بولغان مۇھەببىتى توغرىسىدىكى شېئىرلىرى بىلەن داڭق چىققان. لېسبىيە ياكى كىل-ودىيە (Clodia) ئاتاقلىق ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، كاتۇللۇس بىلەن ئۇزۇن مۇددەت مۇھەببەتلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرى ئەمەلدار مېتېللۇس (Metellus) قا ياتلىق بولغان. شائىر مۇشۇ ئىشلارنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىدا مۇرەككەپ ۋە سادىق-سەمىمىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ يەنە بىر قىسىم مەرسىيە ۋە يۇمۇرلۇق شېئىرلىرى بار بولۇپ، يۇنان ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. كاللىماخوس (Callimachos) نىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. يۇنان قاپىيىلىرىنى لاتىن لىرىكىلىق شېئىرلىرىغا تەتبىقلاش جەھەتتە بەلگىلىك تۆھپىسى بار.

كاتماندۇ دۆلىتى

  • كاتماندۇ دۆلىتى[يەشمىسى:]» نېپالدىكى قەدىمكى دۆلەت. 1482-يىلى ماللا سۇلالىسى پارچىلانغاندىن كېيىن قۇرۇلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، لاكشىم ناراسىمخا ماللا (Lakshmi Narasimha Malla) تەختتىكى مەزگىلدە (1620 — 1641)، بىر كىشى بىر تۈپ دەرەخنىڭ ياغىچى بىلەن بۈيۈك گۇراكو ئىبادەتخانىسىنى قۇرۇپ چىققانمىش، شۇ سەۋەبتىن پايتەخت كانتپۇر (Kantipur ، شانلىق شەھەر دېگەن مەنىدە) كاتماندۇ (Katmandu، ياغاچ بىنا دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغانمىش. پراتاپ ماللا (Pratap Malla) ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (1641 — 1674)، ئەدەبىيات-سەنئەت تەشەببۇس قىلىنىپ، مايمۇن ئىلاھى دەرۋازىسى، تۈن ئىبادەتخانىسى، خانىكە كۆلى قاتارلىقلار ياسىلىپ، بۇ دەۋر نېپال مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ قالغان. كېيىن ئىچكى نىزا ۋە پاتەن، باتگائون پادىشاھلىقلىرى بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلغانلىقتىن، دۆلەت بارا-بارا زەئىپلىشىپ كەتكەن. 1768-يىلى گۇركا سۇلالىسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.

كاتېرىنا مېدىچ

  • كاتېرىنا مېدىچ[يەشمىسى:]» ( de Medeici Caterina، 1519 — 1589). فرانسىيە خانىكىسى. ئۇربىنو(Urbino)كىنەزى لورېنزو مېدىچنىڭ قىزى. 1533-يىلى ئورلېئان كىنەزى ھېنرى بىلەن توي قىلغان. 1547-يىلى ھېنرى فرانسىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھېنرى Ⅱ دەپ ئاتالغان. ھېنرى Ⅱ 1559-يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى فرانسىسوئىس Ⅱ، چارلېس Ⅸ(Charles Ⅸ، 1550 — 1574) ۋە ھېنرى Ⅲ ئىلگىر-كېيىن بولۇپ تەختكە چىققان. كاتېرىنا بۇ ئۈچىنىڭ قابىلىيەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشقان ھەمدە 1560 — 1564-يىللاردا چارلېس Ⅸ نىڭ نائىبى بولغان. 1562-يىلى خۇگۇينوت ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، كاتولىك دىنىي گۇرۇھى بىلەن خۇگۇينوتچىلار ئارىسىدا ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرگەن. كېيىن خۇگۇينوتچىلار ۋە ئۇنىڭ سەردارى كوللېيىنىڭ چارلېس Ⅸ غا بولغان تەسىرىدىن قورقۇپ، 1572-يىلى 8-ئايدا كاتولىك دىنىي گۇرۇھىنىڭ سەردارى ھېنرى گۇئىسې بىلەن بىرلىكتە سان باتولولياۋ پاجىئەسىنى پەيدا قىلغان.

كاتىپ چەلەبى

  • كاتىپ چەلەبى[يەشمىسى:]» (Katib Chelebi، تەخمىنەن 1599 — 1658)ھاجى خەلىفە ( Hajji Khalifa) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۈركىيىلىك تارىخشۇناس، ئالىم. ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان. ئارمىيىگە ئەگىشىپ كاتىپلىق قىلىپ، كۆپ قېتىملىق ئۇرۇشقا قاتناشقان. 30 ياشتىن كېيىن ئىستانبۇلدا دائىملىق ئولتۇراقلىشىپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ «تەقۋىمۇت تەۋارىخ» (تارىخلار تەقۋىمى) دېگەن تارىخىي ئەسەرنى «دۇنيا تەزكىرىسى» دېگەن جۇغراپىيىلىك ئەسەرنى يازغان. ئۇ يەنە ئەرەب تىلىدا ئەرەب، تۈرك، پارس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىدىن 9500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئەسەرلىرى تىزىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ توملۇق كىتابلار كاتالوگىنى تۈزۈپ چىققان. 

كاتىپۇنان

  • كاتىپۇنان[يەشمىسى:]» تاگالوگ تىلىدىكى Katipunan نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، مەنىسى «ئۇيۇشما» دېگەنلىك. تولۇق نامى «مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئەڭ قەدىرلىك ئۇيۇشمىسى». فىلىپپىندىكى يوشۇرۇن ئىنقىلابىي تەشكىلات. بونىفاسىئو 1892-يىلى 7-ئايدا مانىلادا قۇرغان. قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. «ھەممە كىشى باراۋەر. ئېزىلگۈچىلەرنى ھىمايە قىلىپ، ئەزگۈچىلەرگە قارشى كۈرىشەيلى» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇيۇشمىنىڭ ئەزالىرى ئاساسلىقى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە، دېھقانلار، شەھەر كەمبەغەللىرى ۋە زىيالىيلاردىن ئىبارەت. رەھبەرلىك ئورگىنى ئالىي كومىتېت. 1896-يىلى 8-ئايدا ئىسپانىيىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، جايلاردا ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت قۇرغان. قوراللىق كۈرەش ئاساسەن مانىلا، بۇلاكان (Bulacan)، كاۋتې (Cavite) پامپانگا (Pampanga) قاتارلىق سەككىز ئۆلكىدە ئېلىپ بېرىلغان. 1897-يىلى 3-ئايدا ئاگۇينالدو باشچىلىقىدىكى فېئودال-بۇرژۇئازىيە مۇتەئەسسىپلىرى بونىفاسىئونى چەتكە قېقىپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تارتىۋالغان. شۇ يىلى 5-ئايدا بونىفاسىئو ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇيۇشما تارقاپ كەتكەن.

كاتسونېس

  • كاتسونېس[يەشمىسى:]» (Lambros Katsones، 1752 — 1805) گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتچىسى. گرېتسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى لىۋاندىيىدە تۇغۇل-غان. 1770 — 1805-يىللىرى گرېتسىيىنىڭ پىدائىي قىسىملىرىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە روسىيە ئارمىيىسىنىڭ پېلوپوننېس (Peloponnesos) يېرىم ئارىلى بىلەن ئىگېي دېڭىزىدىكى ئاراللاردا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقاندىن كېيىن روسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ، گرېتسىيە پىيادىلەر پولكىنىڭ كوماندىرى بولغان، 1788-يىلدىكى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى ۋاقتىدا، ئوترىيېستې دە قۇرۇلغان گرېتسىيە فلوتىغا قوماندانلىق قىلىپ، تۈركىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى يېڭىپ، گرېتسىيىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئىلھام بەرگەن. كېيىن جەنۇبىي پېلوپوننېستا دېڭىز فلوتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، فرانسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن تۈركىيە فلوتىغا زەربە بەرگەن، لېكىن كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا زور پەرق بولغانلىقتىن يېڭىلىپ، ۋېنېتسىيىدىكى زېمىنىگە قېچىپ كەتكەن. كېيىن روسىيىگە يېنىپ كېلىپ بالاكلاۋادىكى يۇنان قىسىملىرىغا قوماندانلىق قىلغان.

كاتىلىنا ۋەقەسى

  • كاتىلىنا ۋەقەسى[يەشمىسى:]» يەنە كاتىلىنا سۇيىقەستى دەپمۇ ئاتالغان. رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، كاتىلىنا باشچىلىقىدىكى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى. سېرگى كاتىلىنا (Lucius Sergius Catilina) ئاقسۆڭەكلەردىن كېلىپ چىققان بولۇپ، سوللانىڭ قوللىغۇچىسى. ئۇ مىلادىدىن 68 يىل ئىلگىرى چوڭ سودىيە بولغان، ئىككىنچى يىلى ئافرىقا پروۋىنتىيىسىنىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن. مىلادىدىن 66 يىل ئىلگىرى رىمغا قايتىپ كەلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا كراسسۇس، كائېنار قاتارلىقلار بىلەن بىللە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى مەخپىي پىلانلىغان، ئەمما ئەمەلىي ھەرىكىتى كۆرۈلمىگەن. مىلادىدىن 64 يىل ئىلگىرى كونسۇللۇق سايلام رىقابىتىگە قاتناشقان بولسىمۇ، سايلىنالماي قالغان (تىستىسېرو سايلانغان). ئىككىنچى يىلى يەنە كونسۇللۇق سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى پۇقرالارنىڭ باي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ، قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى بىكار قىلىش، يەرنى تەقسىم قىلىش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلەر قەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئەمما تىستىسېرو قاتارلىقلارنىڭ سايلامغا قوراللىق ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە، يەنە مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن چوڭ سودىيە لېنتۇلۇس (Cornelius Lentulus) قاتارلىقلار بىلەن بىللە سوللانىڭ بىر تۈركۈم كونا ئەسكەرلىرى (ھەربىي سەپتىن بوشانغان) بىلەن پۇقرالار ئاممىسىنى تەشكىللەپ، قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشنى پىلانلىغان. ئەمما ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئەتراپلىق بولمىغانلىقى ۋە پىلانى ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، مىلادىدىن 63 يىل ئىلگىرى 11-ئايدا كونسۇل تىستىسېرو سېناتتا ئاتاقلىق «كاتىلىنا سۇيىقەستىگە قارشى» نۇتۇقنى سۆزلىگەن ھەمدە سېناتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمايلا ئاۋۋال قول سالغان، يەنى كاتىلىنا قاتارلىقلارنى قولغا ئېلىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بۇيرۇق بەرگەن. كاتىلىنا ئالدىراپ-تېنەپ تەشكىللىگەن 20 مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ قارشى چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئېترۇرىيىنىڭ شىمالىدىكى پىستورىيە (Pistoria) دە ھۆكۈمەت قوشۇنى تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، ئۆزى جەڭدە ئۆلگەن. بۇ ۋەقە رىم جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى كرىزىسىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. 

كاچىن

  • كاچىن[يەشمىسى:]»( Marcel Cachin،1869 — 1958) فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1891-يىلدىن باشلاپ ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان، كېيىن ئالىي مەكتەپتە پەلسەپە پروفېسسورى بولغان. 1906-يىلدىن باشلاپ، فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ سول قانات ئەزاسى بولغان ھەمدە تەشۋىقات مىنىستىرى بولغان. ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال چاقىرغان يىغىنلارغا كۆپ قېتىم قاتناشقان ھەمدە «ئىنسانپەرۋەرلىك گېزىتى» نىڭ تەھرىرى ۋە باشلىقى بولغان. روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنى قوللىغان. 1920-يىلى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە ۋەكالىتەن كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. شۇ يىلى تۇر يىغىنىدا ئىنقىلابچىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، كۈرەش ئېلىپ بارغان، ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئولغا قاتنىشىش توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىغان، فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كېيىن ئۇزاققىچە فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزاسى بولغان ھەمدە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ھەيئەت رىياسىتى ئەزاسى بولغان (3491 - 4291). 1914-يىلدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1935-يىلدىن باشلاپ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ھۆكۈمەتنىڭ گېرمانىيىنىڭ رۇر رايونىغا ئەسكەر چىقىرىش ۋە ماراكەش مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش سىياسىتىگە قەتئىي قارشى تۇرغانلىقتىن، كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مەملىكەت ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان ھەمدە كۆپ قېتىم مىللىي ئۇيۇشمىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 

كاخوۋسكىي

  • كاخوۋسكىي[يەشمىسى:]»(Пётр Григорьевич Каховский، 6281 - 7971) روسىيىلىك دېكابرست. سۇنغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. گۋاردىيە پورۇچىكى. 1821-يىلى چەت ئەللەرگە ساياھەتكە چىقىپ، غەربىي ياۋروپانىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى تەتقىق قىلغان. پادىشاھلىق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدە چىڭ تۇرغان. 1824-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، رىلېيېۋغا ھەمكارلىشىپ دېكابرىستلارنىڭ شىمال ئىتتىپاقىغا رەھبەرلىك قىلغان، 1825-يىلدىكى دېكابرىستلار قوزغىلىڭىغا پائال قاتناشقان ۋە قىشلىق ساراينى ئىگىلەپ، خان جەمەتىنى ئۆلتۈرۈشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولۇپ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن نىكولاي Ⅰ گە كۆپ قېتىم خەت يېزىپ يانچىلىق تۈزۈمىنى غەزەپ بىلەن سۆككەن. 1826-يىلى 7-ئايدا دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 

كادپىسېس

  • كادپىسېس[يەشمىسى:]» كۇشان پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (تەخمىنەن 57 - 56-يىللار). ۋىما كادپىسېس، يەنى كادىپىسېس Ⅱ (Vima Kadphises Ⅱ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۇجۇلا كادپىسېسنىڭ ئوغلى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە دۆلىتى كۈچىيىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىراننىڭ شەرقىي قىسمى (باكتېرىيە قاتارلىق) دىكى كەڭ رايونلارنى ئىگىلىگەن. ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا داۋاملىق تاجاۋۇز قىلىپ، ھىندى دەريا ۋادىسىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە يەرلىك ئاھالىنى بويسۇنۇشقا مەجبۇر قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رىم ئىمپېرىيىسىگە ئەلچى ئەۋەتكەن. 

كادلوبېك

  • كادلوبېك[يەشمىسى:]»(Kadlubek، تەخمىنەن 3221 - 0611) پولشالىق تارىخشۇناس. ياش چېغىدا فرانسىيىدە ئوقۇغان. 8121 - 8021-يىللىرى كراكوۋ شەھىرىنىڭ ئېپىسكوپى بولغان. ئۇنىڭ لاتىن تىلىدا يېزىلغان تۆت توملۇق «پولشا يىلنامىسى» دېگەن ئەسىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭدا رىۋايەتلەر دەۋرىدىن تارتىپ 1202-يىلىغىچە بولغان مەزمۇنلار سۆزلەنگەن بولۇپ، ⅩⅡ ئەسىردىكى پولشا تارىخىنى ئۆگىنىشتە قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ئەسەردە كادلوبېكنىڭ پولشانىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، فېئودال تەپرىقىچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيىسى ئىپادىلەنگەن. 

كادموس

  • كادموس[يەشمىسى:]»(Kadmos ياكى Cadmus) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى تېبىس (— Thebes يۇنانىستاندىكى قەدىمكى شەھەر) شەھىرىنىڭ قۇرغۇچىسى. فىنكىيە پادىشاھى ئاگېنور (Agenor) بىلەن تېلىفخاسسا (Telephassa) نىڭ ئوغلى، ياۋروپا (Europa) نىڭ ئاكىسى، ياۋروپا زېۋس(Zeus) تەرىپىدىن كرېت ئارىلىغا ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئاگېنور كادموسقا سىڭلىسىنى تېپىپ كېلىشنى، ئەگەر تاپالمىسا يېنىپ كەلمەسلىكنى بۇيرۇغان. كادموس سىرتتا ئۇزۇن زامان ئىزدىگەن بولسىمۇ، ھېچبىر ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان، كېيىن دېلفى-ن (Delphi) نىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن، بىر ئىنەككە ئەگىشىپ ئوتتۇرا يۇناندىكى بېئوتىيە (Boeotia) گە كەلگەن. بۇ يەردە ئۇ بىر ئەجدىھا (ئۇرۇشخۇداسى ئارېسنىڭ ئوغلى) نى ئۆلتۈرگەن ھەمدە ئافىنا (Afhena) نىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئەجدىھانىڭ چىشىنى يەرگە كۆمگەن، ئۇنىڭدىن قوراللانغان جەڭچىلەر ئۈنۈپ چىققان، بۇ جەڭچىلەر ئۆزئارا قىرغىن قىلىشىپ، ئۇلاردىن ئاران بەش كىشى قالغان. كادموس بۇ جەڭچىلەر بىلەن بىرلىكتە شۇ يەرگە بىر يېڭى شەھەر سېلىپ، ئۇنىڭغا تېبېس دەپ ئات قويغان. ئەنە شۇلار رىۋايەتلەردىكى تېبېسلىقلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىكەن. فىنكلەرنىڭ تېبېس شەھىرىنى قۇرغانلىقى توغرىسىدىكى رىۋايەت، فىنكىيە مەدەنىيىتىنىڭ (جۈملىدىن فىنكىيە يېزىقىنىڭ) يۇنانغا بولغان تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. «كادموس»، فىنكىيە تىلىدا (Cadmon) بولۇپ، «شەرقلىك» دېگەنلىك بولىدۇ.

كادۇدال

  • كادۇدال[يەشمىسى:]» (Georgec Cadoudal، 4081 - 1771) بۈيۈك فرانسىيە ئىنقىلابى دەۋرىدىكى مۇنارخىستلار توپىلىڭىنىڭ كاتتىباشلىرىدىن بىرى. دېھقان ئائىلىسىدىن. 1793-يىلى ۋاندېيە رايونىدىكى پادىشاھپەرەسلەر توپىلىڭىغا قاتناشقان. يېڭىلگەندىن كېيىن برېتانىيە شۇئانچىلار ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. 1794-يىلى 6-ئايدا ياكۇبىنچىلار ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.1797 — 1803-يىللىرى كۆپ ۋاقتىنى ئەنگلىيىدە ئۆتكۈزۈپ داۋاملىق تۈردە پادىشاھپەرەسلەر توپىلىڭىنى پىلانلىغان. 1799-يىلى تۇمانلىق ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن بىر مەزگىل ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن يارىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ناپولېئون ئارقىلىق بوربون جەمەتىنى تىرىلدۈرمەكچى بولغان. سۆھبەت بۇزۇلغاندىن كېيىن ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. ناپولېئوننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، 1803-يىلى 8-ئايدا فرانسىيىگە يوشۇرۇنچە يېنىپ كېلىپ، ئەنگلىيىنىڭ ياردىمى بىلەن سۇيىقەستچىلەر گۇرۇھىنى ئۇيۇشتۇرغان، بۇ گۇرۇھ كېيىن ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، 1804-يىلى 3-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، 6-ئايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. 

كادېتلار پارتىيىسى

  • كادېتلار پارتىيىسى[يەشمىسى:]»روسىيىدىكى بۇرژۇئا پارتىيىسى. 1905-يىلى 10-ئايدا بۇرژۇئا زىيالىيلىرى ۋە «لىبېرالىست» پومېشچىكلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. كاتتىبېشى مىليۇكوۋ قاتارلىقلار. ئۇلار دېموكراتىيىنى بازارغا سېلىپ، ئۆزلىرىنى «خەلق ئەركىنلىكى پارتىيىسى» دەپ ئاتىغان. 7091 - 5091-يىللىرى ئاساسلىقى دۇمانى پائالىيەت مەركىزى قىلغان. مۇنارخىيىلىك ئاساسىي قانۇننى تەشەببۇس قىلىپ، چارپادىشاھ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، دېھقانلارنى ئىنقىلابتىن چەتلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا چارپادىشاھنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇشى سىياسىتىنى قوللىغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن بىر دومىلاپ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن. خەلققە دۈشمەنلىك بىلەن قاراپ، ئىنقىلابقا قارشى تۇرۇپ، كورنىلوۋ توپىلىڭىنى پىلانلىغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، جاھانگىرلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، قوراللىق مۇداخىلە ئېلىپ بارغان. سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى توپىلاڭنى پىلانلىغان. 1917-يىلى 12-ئايدا سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. كۆپ ساندىكى كاتتىباشلىرى چەت ئەلگە قېچىپ كېتىپ، داۋاملىق تۈردە ئەكسىلئىنقىلابىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1924-يىلى ئىچكى جەھەتتىن پارچىلىنىپ تۈگەشكەن. 

كادېش جېڭى

  • كادېش جېڭى[يەشمىسى:]»قەدىمكى مىسىر بىلەن ھېتت پادىشاھلىقىنىڭ سۈرىيە رايونىغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالىشىش جېڭى. مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى مىسىر فىرئەۋىنى رامسېس Ⅱ بىلەن ھېتت پادىشاھى مۇۋاتتالىس (Muwattalis) ئورونىتېس (Orontes) دەرياسى بويىدىكى كادىش (Kadesh، بۈگۈنكى سۈرىيىدە) شەھىرىدە ئۇرۇشقان. فىرئەۋىن دۈشمەننى سەل چاغلىغانلىقتىن ئەسىرگە چۈشۈپ قالغىلى تاس قېلىپ، مىسىرغا چېكىنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇش ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتقا سوزۇلغان. مىسىر پۇختا ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللانغان بولسىمۇ، يەنىلا غەلىبە قىلالمىغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 1296 يىل ئىلگىرى (ياكى مىلادىدىن 1280 يىل ئىلگىرى) مىسىر قوشۇنلىرى يەنە بىر قېتىم ئالغا ئىلگىرىلىگەن، بۇ چاغدا ھېتت پادىشاھلىقىدا دەل تەخت تالىشىش كۈرىشى بولۇۋاتقانلىقتىن، ئاخىرى تەختكە يېڭى ئولتۇرغان ھېتت پادىشاھى ھاتتۇسىلىس (Hattusilis) بىلەن رامىسېس Ⅱ سۈلھ شەرتنامىسى تۈزگەن. شەرتنامىدە: تىنچلىق ئورنىتىپ، ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق، ھەربىي ئىتتىپاق تۈزۈش، ئۆزئارا قارشى تەرەپكە قېچىپ كەتكەن جىنايەتچىلەرنى تۇتۇپ قايتۇرۇپ بېرىش، سۈرىيىنىڭ شىمالىي زېمىنى ھېتت پادىشاھلىقىغا تەۋە بولۇش، دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇشبۇ سۈلھ شەرتنامىسى تارىختا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئەڭ بالدۇرقى خەلقئارالىق شەرتنامە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كادې قوزغىلىڭى

  • كادې قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]»1450-يىلى ئەنگلىيىنىڭ كېنت ۋىلايىتى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ۋىلايەتلەردە پارتلىغان قوزغىلاڭ. قوزغىلاڭ دېھقانلارنى ئاساسىي كۈچ قىلغان بولۇپ، شەھەر قول سانائەتچىلىرى، سودىگەرلەر ۋە كىچىك ئاقسۆڭەكلەرمۇ قاتناشقان. جاك كادې (Jack Cade، ؟ 0541 -) رەھبەرلىك قىلغان. قوزغىلاڭنىڭ سەۋەبى: ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅵ (Henry Ⅵ، 1641 - 2241) بالىلىق ۋاقتىدا تەختكە چىققاچقا، چوڭ ئاقسۆڭەكلەر ھاكىممۇتلەقلىك قىلغان، فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش (يۈز يىللىق ئۇرۇش) نىڭ مەغلۇبىيىتى ۋە باج-سېلىقنىڭ ئېغىرلىشىشى سىنىپىي زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن. 1450-يىلى 6-ئايدا قوزغىلاڭ كېنت ۋىلايىتىدە پارتلىغان. قوزغىلاڭچىلار باج-سېلىقنى كېمەيتىشنى، ياۋۇز ئەمەلدارلارنى يوقىتىشنى، پارلامېنت سايلىمى قائىدىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى، «مېھنەتكەشلەر قانۇنى» نى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، كادې 20 مىڭ كىشىلىك قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى باشلاپ، لوندون كەمبەغەللىرىنىڭ قوللىشى بىلەن پايتەختكە بېسىپ كىرگەن. ئەتىسى بەزى ياۋۇز ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈرگەن، ھېنرى Ⅵ قېچىپ كەتكەن. كېيىن لوندون باي سودىگەرلىرى ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن قورقۇپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى شەھەر سىرتىغا قوغلاپ چىقارغان. قوزغىلاڭچى دېھقانلار ئارقا-ئارقىدىن تارقىلىپ كەتكەن. 12-ئىيۇلدا كادې ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن بولغان جەڭدە ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. 

كادىرى دۆلىتى

  • كادىرى دۆلىتى[يەشمىسى:]» (Kadiri) پانجالۇ (Panjalu) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن Ⅺ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا شەرقىي ياۋادىكى ماتارام پادىشاھلىقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، غەربىي كادىرى دۆلىتى، شەرقىي جاڭگالا دۆلىتى دەپ ئاتالغان. كادىرى دۆلىتى داخا (Daha) نى پايتەخت قىلغانلىقتىن، داخا دۆلىتى دەپمۇ ئاتالغان. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ بېشىدا جاڭگالانى يۇتۇۋالغان. كېيىن دېڭىز ئارمىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بارى، كىچىك زوند تاقىم ئاراللىرى، كالىمانتاننىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمى ۋە سۇلاۋىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمى قاتارلىق جايلارنى كونترول قىلغان. ئەرەب ئەللىرى بىلەن خۇش پۇراق ماتېرىياللار سودىسى قىلىپ، ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. ھىندى دىنىنىڭ سىۋا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان. مەدەنىيىتى گۈللەنگەن بولۇپ، ياۋا تىلىدىكى ئەدەبىيات راۋاج تېپىپ، داڭلىق داستان «پولودو ئۇرۇشى» بارلىققا كەلگەن، يەنە بەزى ئابىدە يېزىقى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. 1222-يىلى سىڭخاسارى دۆلىتى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان. 

كادىس ئاساسىي قانۇنى

  • كادىس ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:]»يەنى «ئىسپانىيىنىڭ 1812-يىلدىكى ئاساسىي قانۇنى». 

كادىس پارلامېنتى

  • كادىس پارلامېنتى[يەشمىسى:]»ئىسپانىيىدە 4181 - 8081-يىللاردىكى ئىنقىلابتا چاقىرىلغان ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى. 1810-يىلى 9-ئايدا، لېئون (Leòn) ئارىلىدا چاقىرىلغان، ئىككىنچى يىلى 2-ئايدا كادىس (Cadiz) قا يۆتكىگەن-لىكتىن، تارىختا كادىس پارلامېنتى دەپ ئاتالغان. 1812-يىلى ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم يولغا قويۇلىدىغانلىقى جاكارلانغان ھەمدە فېئودالىزمغا قارشى بىر قاتار ئەمىر-پەرمانلار ئېلان قىلىنغان، بۇلار: مېتروپولىيە ئاھالىلىرى بىلەن مۇستەملىكىلەر ئاھالىلىرى باراۋەر بولۇش، سۆز، مەتبۇئات ئەركىنلىكى بولۇش؛ خوجا ھوقۇقى، ئۆشرە-زاكات، مەھكىمە شەرئىي ۋە كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنى بىكار قىلىش؛ چېركاۋلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە سېتىش؛ ئىسپانىيە ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئەركىنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئېلان قىلىنغان. 1813-يىلى 9-ئايدا يېپىلغان. ئىككىنچى يىلى فېرناندو Ⅶ مۇنارخىيىنى تىرىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ ئىسلاھات پەرمانلىرى ۋە 1812-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننىڭ كۈچتىن قالغانلىقى جاكارلانغان. 

كادىسىيە جېڭى

  • كادىسىيە جېڭى[يەشمىسى:]»مىلادى 637-يىلى ئەرەبلەر بىلەن ساسانىلار قوشۇنى ئوتتۇرىسىدا كادىسىيە (Kadisiya، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ جەنۇبىدا) دە بولغان ئۇرۇش، ئەرەب قوشۇنى سەئادئىبىن ئەبۇ ۋاققاسنىڭ (adibn Abi Wakas،Sa) باشچىلىقىدا سەركەردە رۇستەم (Rustem) قوماندانلىقىدىكى 20 مىڭ كىشىلىك ئىران قوشۇنىنى يېڭىپ، كەينىدىنلا ساسانىيلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى كېتىسفون (Ctesiphon) نى ئىشغال قىلغان. 

كارابوبو جېڭى

  • كارابوبو جېڭى[يەشمىسى:]»لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدىكى مۇھىم جەڭ. ۋېنسۇئېلانىڭ ۋالېنسىيە (Valencia) شەھىرى يېنىدىكى كارابوبو (Carabobo) تۈزلەڭلىكىدە بولغان كەسكىن جەڭ بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1821-يىلنىڭ باشلىرى بولىۋار قوشۇن تارتىپ يېڭى گرانادادىن چىقىپ ئاندىس تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، ۋېنسۇئېلانىڭ شىمالىي قىسمىغا كىرگەن. ئۇزۇن ئۆتمەيلا كارابوبودا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى بىلەن ئۇچراشقان. 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، بولىۋار ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن غەربتىن قورشاپ، پايىس يېتەكچىلىكىدىكى يەرلىك پارتىزانلار جەنۇبتىن قىسىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىنى يەڭگەن. بۇ قېتىمقى جەڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، كاراكاسقا ئۆتىدىغان يولنى ئاچقان. 

كارادژا

  • كارادژا[يەشمىسى:]»(Стефан Тодоров Караджа، 8681 - 4481) بۇلغارىيە مىللىي ئازادلىق پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى. دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1862-يىلى بېلگرادتا بۇلغارىيە كورپۇسىغا قاتناشقان. شۇ يىلى 6-ئايدا بېلگراد قەلئەسىدىكى تۈركىيە گارنىزونىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشقا قاتناشقان. 9-ئايدا، كورپۇس تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن بۇلغارىيە پارتىزانلىق كۈرىشىگە قاتناشقان. 1868-يىلى 7-ئايدا (125 كىشىلىك) پارتىزان تارقاق قىسىمغا يېتەكچىلىك قېلىپ، دۇناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ، بالقان تاغلىرىنى بويلاپ ئىلگىرىلەپ، يول ئۈستىدە تۈركىيە يەرلىك قىسىملىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. كېيىن تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ ئېغىر يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشكەن، تۈرمىدە ئۆلگەن. 

كارادىچ

  • كارادىچ[يەشمىسى:]»(Vuk Caradzis، 4681 - 7871) سېربىيە مىللىي گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئەربابى. سې-رب-خورۋات ئەدەبىي تىلى، يېزىقى ۋە ئىملاسىنى ئىسلاھ قىلغۇچى. 3181 - 4081-يىللاردىكى سېربىيىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭغا قاتناشقان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ۋېناغا كۆچۈپ كەتكەن. 1819-يىلى روسىيىگە بېرىپ، روسىيە ئەدىبلىرى ۋە ئالىملىرى بىلەن تونۇشقان. 1828-يىلى سېربىيىگە قايتىپ كېلىپ، قانۇن تۈزۈش يىغىنىنىڭ ئەزاسى ۋە بېلگراد سوت مەھكىمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. دالىماتسىيە، چېرنوگورىيە ۋە گېرمانىيىلەردە ساياھەتتە بولغان. زور مىقداردىكى سېرب قوشاقلىرى، رىۋايەتلىرىنى توپلىغان. ئۆز ئېلىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، رىۋايەتلىرى ۋە مەسەللىرىنى تەتقىق قىلىش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سېرب مىللىتىنىڭ ئويغىنىشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە كرىلل يېزىقىنى فونېتىكىلىق پرىنسىپلار بويىچە ئىسلاھ قىلىپ، ئاددىي ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن قوشۇپ يېزىش قائىدىسىنى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ سېربىيە، بوسنىيە ۋە چېرنوگورىيىلەرنىڭ تارىخىغا دائىر ئەسەرلىرىمۇ يۇقىرى قىممەتكە ئىگە. ئۇ بۇ ئەسەرلىرىدە سېربىيىدە بولغان ئىككى قېتىملىق قوزغىلاڭ قاتناشچىلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى ۋە يازما ھۈججەتلەرنى نەقىل كەلتۈرگەن. 

كاراك

  • كاراك[يەشمىسى:]»(kapak ياكى Mnmaha) چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى پىيون-چىنلار قۇرغان كىچىك دۆلەت. «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى. ۋېي پادىشاھلىقى تەزكىرىسى. شەرقلىكلەر خاتىرىسى» دە پيون-چىن گۇشېگو ياكى گۇشېخەنگو «ئۈچ پادىشاھلىق تارىخى» دا جىنگۇەنگۇ دېيىلگەن، «ئۈچ پادىشاھلىق ئىش-ئىزلىرى» دا جيالوگو دېيىلگەن، جيايېگو دەپمۇ ئاتالغان، كۋاڭگا ئېتئو (Kwanggaeto) ئابىدىسىدە كاراك مىمانا دېيىلگەن. زېمىنى تەخمىنەن ھازىرقى كيوڭساڭ-نامدونىڭ ك-ىمخاې (Kimhae) دېگەن يېرىنىڭ ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ. ئالوجيايې (كيوڭساڭ-نامدونىڭ خامئەن دېگەن يېرى)، گۇنىڭجيايې (ك-يوڭساڭ-بۇكدونىڭ خامچاڭ دېگەن يېرى) دا جيايې (كيوڭساڭ-بۇكدونىڭ گاۋلىڭ دېگەن يېرى) شىڭشەن جيايې (كيوڭساڭ-بۇكدونىڭ شىڭجۇ دېگەن يېرى)، شياۋجيايې (كيوڭساڭ-نامدونىڭ گۇچېڭ شەھىرى) قاتارلىقلار بىلەن قوشۇلۇپ، ئالتە جيايې دەپ ئاتالغان. «ئۈچ پادىشاھلىق ئىش-ئىزلىرى. جيالوگو خاتىرىسى» دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، پېشۋاسى توغرىسىدىكى رىۋايەتتە تۇنجى ئەۋلاد پادىشاھ جىن شۇلۇ تەخمىنەن مىلادى 42-يىلى (كېيىنكى خەن گۇاڭۋۇدىنىڭ جيەنۋۇ 18-يىلى) دۆلەت قۇرۇپ، ئون ئەۋلاد، 490 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغانىكەن. سىللا غا قارشى قايتا-قايتا ئۇرۇش ئېلىپ بارغان، Ⅳ ئەسىردە ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. 400-يىلى كوگۇريو پادىشاھى كۋاڭگا ئېتئو قوشۇن ئەۋەتىپ، سىللانى بېسىپ ياتقان ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، جەنۇبتىكى كاراك رايونىغىچە بارغان. 479-يىلى جيايې خانى خېجى نەنچىگە ئەلچى ئەۋەتكەن. 532-يىلى سىللا تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان، ئاخىرقى پادىشاھ جىن چۇخەي («ئۈچ پادىشاھلىق ئىش-ئىزلىرى» دا جىن چۇخېڭ دېيىلگەن، 235 - 125-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) تەسلىم بولۇپ، سىللا ئاقسۆڭىكى دەپ قارىلىپ، شىن جىنشى (كىمخاي جىنشى) دەپ ھۈرمەتلەنگەن؛ ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭغا يەنىلا ئۆز دۆلىتى تەقسىم قىلىنىپ بېرىلگەن. سىللا مەدەنىيىتىدە كاراك مەدەنىيىتىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان.

كاراكاللا ھاممامى

  • كاراكاللا ھاممامى[يەشمىسى:]»رىم دەۋرىدىكى تىپىك ھاممام. ئىتالىيە رىم شەھىرىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە، مىلادى 212-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلاپ، 216-يىلى كاراكاللا (Caracalla، 712 - 881) ئىمپېراتور بولۇپ تۇرغان دەۋردە پۈتكەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. گوتلار 537-يىلى رىم شەھىرىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۆستىڭىنى بۇزۇۋەتكەنگە قەدەر ئىزچىل ئىشلىتىلىپ كەلگەن. ھاممامنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانى 20 مىڭ كۋادرات مېتر، ھويلىسىنى قوشقاندا 100 مىڭ كۋادرات مېتر بولۇپ، رىم ھامماملىرىنىڭ ئەڭ چوڭى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ⅩⅥ ئەسىردە بوروس Ⅲ نىڭ ۋاقتىدا قېزىلىشقا باشلىغان. 1824-يىلى تەشكىللىك ھالدا قېزىش ئېلىپ بېرىلىپ، ھاممامنىڭ ئالدىنقى خانىسى، كىيىم يۆتكەش بۆلمىسى، سوغۇق سۇلۇق ھاممام، يىلمان سۇلۇق ھاممام، ئىسسىق سۇلۇق ھاممام، تەرلىنىش بۆلىمىسى، چوڭ كارىدور، ئىجتىمائىي ئالاقە بۆلمىسى، كۇتۇپخانا، نۇتۇق سۆزلەش زالى، ماگىزىن ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىبادەتخانا، تەنتەربىيە مەيدانى، مۇسابىقە مەيدانى قاتارلىقلار تېپىلغان. پولغا پۈتۈنلەي رەسىملىك خىشلار يېيىتىلغان بولۇپ، تولىمۇ گۈزەل-ھەيۋەتلىك، كاراكاللا ھاممامى شۇ دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە بىناكارلىق مېمارلىق سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى يۇقىرى قىممەتكە ئىگە. رراكاللا (Caracalla، 712 - 112-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) چۈشۈرگەن يارلىق. «كاراكاللا» ئىمپېراتور ماركۇس ئاۋرېلىئۇس ئانتونىنۇس (Aurelius Antoninus Marcus) نىڭ لەقىمى. مىلادى 212-يىلى چۈشۈرگەن يارلىق «ئانتونىنئانا پەرمانى» (Constitutio Antoniniana) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا: ئىمپېرىيە زېمىنىدىكى بارلىق ھۆر پۇقرالارغا («ئەل بولغان دۈشمەنلەر» dediticii، يەنى ۋەھشىي كۆچمەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا) رىم گراژدانلىق ھوقۇقى ۋە قانۇنىي شەكىلدىكى ھەممە ئاپتونومىيە بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن مەقسەت ئىمپېرىيىنىڭ باج تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۆلەت خەزىنىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ يارلىقنىڭ چۈشۈرۈلۈشى رىم دۆلىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتى ھەم ئىمپېرىيە تەۋەسىدىكى گراژدانلىق ھوقۇقى يوق ئاھالىلەرنىڭ گراژدانلىق ھوقۇقىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلغان كۈرىشىنىڭ نەتىجىسى شۇنداقلا رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى پۇقرالار ئارىسىدا رىم گراژدانلىق ھوقۇقىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تاماملىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بۇ چاغدا رىم گراژدانلىرى بىلەن گراژدان ئەمەسلەرنىڭ چېگرىسى بارا-بارا يوقىلىپ بارغانلىقتىن، رىم گراژدانلىقىدىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى قالمىغانىدى. 

كارامزىن

  • كارامزىن[يەشمىسى:]»(Николай Михайлович Карамзин، 6281 - 6671) روسىيىلىك تارىخشۇناس، يازغۇچى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 0971 - 9871-يىللىرى غەربىي ياۋروپانى ساياھەت قىلغان. «روسىيە ساياھەتچىسىنىڭ مەكتۇپلىرى» دېگەن ئەسىرىدە بۈيۈك فرانسىيە ئىنقىلابىنى قارىلىغان. «موسكۋا ژۇرنىلى» ھەم «ياۋروپا ئاخباراتى» ژۇرناللىرىنى تەسىس قىلغان. چارپادىشاھنىڭ پەرمانىغا بىنائەن تارىخ يېزىپ، كونسېرۋاتىپ ئاقسۆڭەكلەر مەيدانىدا تۇرۇپ، چارپادىشاھنىڭ مۇستەبىتلىك تۈزۈمىنى ۋە يانچىلىق تۈزۈمىنى جېنىنىڭ بارىچە ياقلاپ، روسىيىنىڭ تارىخى — مۇستەبىتلىك تۈزۈمىنىڭ تارىخى دەپ تەرغىپ قىلغان. ئۇ تارىخنى ئۇلۇغ كىشىلەر ياراتقان دەپ تونۇپ، تارىخىي شەخسلەرنىڭ پائالىيىتىنى، ئىدىيىۋى مۇددىئاسىنى يېشىپ بېرىشكە، بارلىق تارىخىي ھادىسىلەرنى ئۇلارنىڭ پسىخىكىلىق پائالىيىتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئۇنىڭ «قەدىمكى ۋە بۈگۈنكى روسىيە توغرىسىدا خاتىرىلەر» ۋە 12 توملۇق «روسىيە تارىخى» دېگەن ئەسەرلىرى بار بولۇپ، ئۇلاردا تارىخىي ھۈججەتلەر زور مىقداردا ئىشلىتىلگەن، ماتېرىياللار مول، شۇڭا بۈگۈنكى كۈندىمۇ پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. كارامزىن يەنە سېنىتمېنتالىزم ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، «بىچارە لىزا»، «شەھەر باشلىقىنىڭ خانىمى مارفا» قاتارلىق ھېكايە-پوۋېستلارنى يازغان. 

كارمات جۇمھۇرىيىتى

  • كارمات جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:]» ئىسلام دىنىنىڭ كارمات مەزھىپى قۇرغان دۆلەت. مىلادى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى كارامىتى مەزھىپى ئابباسىيلار خەلىپىلىكىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 894-يىلى، ئەبۇ سەئىد ئەلھەسەن تەننابى(Hasan-Abu Saidal Tannabi) رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى پېرسىيە قولتۇقىنىڭ غەربىدىكى بەھرەيىننى بېسىۋالغان. 899-يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ، پايتەختنى ئەخسا (al - Ahsa، بۈگۈنكى ھوقۇق شەھىرى) دا قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيە، ئىراق، ھىجاز قاتارلىق جايلارغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ، مەككىگە ھەج قىلغۇچىلارغا پاراكەندىچىلىك سالغان. 930-يىلى مەككىنى بېسىۋېلىپ، ھەجەرۇلئەسۋەد (قاراتاش) نى بەھرەيىنگە ئېلىپ كەتكەن. بۇ دۆلەتكە ئالتە نەپەر نائىب ۋە ئالتە نەپەر ۋەزىردىن تەركىب تاپقان مەمۇرىي ئىشلار ھەيئىتى رەھبەرلىك قىلغان. ئاساسىي ئاھالىسى دېھقانلار ۋە قول ھۈنەرۋەنلەر بولۇپ، ئۇلار دۆلەتكە باج تاپشۇرمىغان، دۆلەت ئۇلارغا ئۆسۈمسىز پۇل قەرز بەرگەن، جازانىخورلۇق قاتتىق چەكلەنگەن. بۇ دۆلەتنىڭ ھەبەش ۋە زەڭگىلەردىن بولغان 30 مىڭ قۇلى بار بولۇپ، ئۇلارنى دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىقتا پايدىلىنىشىغا بۆلۈپ بەرگەن ھەمدە يېزا جامائەسى قۇلدارلىق تۈزۈمىنى يولغا قويغان. كارمات جۇمھۇرىيىتى Ⅺ ئەسىرگىچە داۋاملاشقان. 

كارماتچىلار

  • كارماتچىلار[يەشمىسى:]»ئىسلام دىنىدا Ⅸ ئەسىردە پەيدا بولغان بىر مەزھەپ. بىر ئېيتىلىشىچە، بۇ نام «كارمات» Karmat) لەقەملىك ئەبۇ ئابدۇللاھ (تەخمىنەن مىلادى 874-يىلى) نىڭ نامىدىن كەلگەن. يەنە بىر ئېيتىلىشىچە، Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مەزكۇر مەزھەپنىڭ داھىيسى ھەمەدانى كارماتى (ھىمدانى كرامتى، ؟ 998 -) نىڭ نامىدىن كەلگەن. ئەسلىدە شىئە مەزھىپىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، كېيىن ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. جەمئىيەتنىڭ تەڭ-باراۋەر بولۇشىنى، مال-مۈلۈكلەرنىڭ ئومۇمنىڭ بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. مۇرىتلار بىر كۈندە بەش قېتىم ناماز ئوقۇمايتتى، روزا تۇتمايتتى، ھەج قىلمايتتى، ئىماملارغا سادىق بولۇپ، ئابباسىيلار خەلىپىلىكىگە قارشى تۇراتتى. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ھەرقايسى يەرلەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 890-يىلدىكى ھەمەدانى كارماتى رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن سۈرىيىگە بېسىپ كىرىپ، دەمەشقنى قورشىۋالغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ بېشىدا باستۇرۇلغان. يەنە بىر قوزغىلاڭچى قوشۇن بەھرەيىننى بېسىۋېلىپ، كارمات جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 

كاراۋېلوۋ

  • كاراۋېلوۋ[يەشمىسى:]» (1) ليۇبېن كاراۋېلوۋ (Любен Каравелов، 1834 - 1879) بۇلغارىيىلىك ئىنقىلابچى، يازغۇچى، سىياسىي ئوبزورچى. كوپرىۋىشتىتىسا (Копривштица) شەھىرىدىكى بىر باي ئائىلىدە تۇغۇلغان. ياخشى تەربىيە كۆرگەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئايلىنىپ چىقىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. 1857-يىلى روسىيە مۇسكۋا ئونىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ-پەلسەپە فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا روسىيە ئىنقىلابچىلىرى بىلەن تونۇشقان، گېرتسىن، چېرنىشۋېسكىيلارنىڭ تەلىماتلىرىنى تەتقىق قىلغان. 1867-يىلى سېربىيىدە ئولتۇراقلىشىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1868-يىلى 6-ئايدا سېربىيە كىنەزىنى ئۆلتۈرۈشكە قاتناشتى دەپ ئەيىبلىنىپ، بىر مەزگىل تۈرمىدە ياتقان. 1869-يىلى كۈزدە بۇخارېستتا «ئەركىنلىك» گېزىتىنى چىقارغان. كېيىن يەنە «مۇستەقىللىك» گېزىتىنى چىقارغان. 1870-يىلى لېۋىسكىي بىلەن بىللە بۇلغارىيە ئىنقىلابىي مەركىزىي كومىتېتىنى قۇرغان. 5781 - 2781-يىللىرى ئىنقىلابىي مەركىزىي كومىتېتىدىكى بۇرژۇئا رادىكاللىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، سېربىيىنىڭ سىرتقى ياردىمى ئارقىلىق بۇلغارىيىنىڭ مۇستەقىللىكى، ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1875-يىلى سىياسىي پائالىيەتتىن قول ئۈزۈپ، «بىلىم» ژۇرنىلىنى نەشىر قىلىپ، ئاقارتىش ھەرىكىتى ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان. ئۇنىڭ «بۇلغار خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇللىرىغا دائىر يازما ھۈججەتلەر»، «بۇلغار خەلقىنىڭ قىسمەتلىرىدىن سەھىپىلەر» ۋە يەنە ئەدەبىي ئەسەر «تەقدىر جىنايەتلىكمۇ؟» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) پېتكو كاراۋېلوۋ (Петко Каравелов، 3091 - 3481) بۇلغارىيە باش ۋەزىرى (— 1881، 6881 - 4881، 1091)، لىبېرالىستلار پارتىيىسى (كېيىن نامى دېموكراتلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن) نىڭ داھىيسى. 1878-يىلى لاخوۋ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، 1879-يىلى 2-ئايدا مىللىي مەجلىسنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شۇ يىلى 10-ئايدىن باشلاپ رەئىس بولغان. 1880-يىلى مالىيە ۋەزىرى بولغان. 3881 - 1881-يىللىرى شەرقىي دومېلىيىدە «مۇستەقىللىك» گېزىتىنى تارقاتقان. 1883-يىلى سوفىيىگە يېنىپ كېلىپ، باتتېنبېرگ كىنەزگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1884-يىلى لىبېرالىستلار پارتىيىسى سايلامدا غەلىبە قىلغان. شۇ يىلى 7-ئايدا يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، «تىرنوۋو ئاساسىي قانۇنى» نى يەنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1886-يىلى 8-ئايدا باتتېنبېرگ كىنەز ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋاقىتلىق ھاكىمىيەت ئورگىنىغا قاتناشقان. روسىيەپەرەسلەرنىڭ سىتامبولوۋنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قاماق جازاسى بېرىلگەن. 

كارائىسكاكىس

  • كارائىسكاكىس[يەشمىسى:]»(Georgios Karaiskakis،7281 - 0871) گرېتسىيە مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ قوماندانى. 1821-يىلدىكى گرېتسىيە مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ باشلىرىدا قوزغىلاڭچى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، گرېتسىيىنىڭ غەربىي قىسمىدا تۈركىيە قوشۇنلىرىغا زەربە بەرگەن. 6281 - 5281-يىللىرى تۈركىيىنىڭ ئارقا سېپىدە تۇرۇپ مېسولۇنگىئون (Mesolongion) شەھىرىدە قورشاۋدا قالغان گرېك قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلغان. 1826-يىلى يۇناننىڭ قۇرۇقلۇق رايونى ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. شۇ يىلى 12-ئايدا ئاراخوف ئۇرۇشىدا تۈركىيە قوشۇنىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، گرېتسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى ئازاد قىلغان. كېيىن يەنە ئاكروپولدا قورشاۋدا قالغان تۈركىيە قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، جەڭدە قۇربان بولغان.

كاربونارلار

  • كاربونارلار[يەشمىسى:]»ⅩⅨ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىتالىيە، فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە ئەتراپىدا جانلىنىپ كەتكەن مەخپىي تەشكىلات. «كۆمۈر كۆيدۈرگۈچىلەر» (Carbonari) دېگەن نام ئەركىنلىك، ئەخلاق ۋە تەرەققىيپەرۋەلىكنى ياقلىغۇچىلار ۋە تارقاتقۇچىلارنىڭ سىمۋولى بولغان. ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ئېنىق ئەمەس، ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى فرانسىيە-شۋېتسارىيە چېگرىسىدىكى جۇرا رايونىدىكى مەخپىي تەشكىلات، كېيىن ناپولېئوننىڭ ئەسكەرلىرىگە ئەگىشىپ ئىتالىيىگە كىرگەن دېگەن گەپ بار؛ ئورتاق قۇتقۇزۇش جەمئىيىتىنىڭ بىر تارمىقى دېگەن گەپمۇ بار؛ 1806-يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى نېئاپول پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، كاربونارلار دەرھال بۇ يەردە پەيدا بولۇپ، يات مىللەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. كېيىن ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە شىمالىغا قاراپ تەرەققىي قىلغان. ئەزالىرى ئاساسەن ئاقسۆڭەكلەر، ئوفىتسېرلار، كىچىك پومېشچىكلار ۋە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە. ئۇنىڭ نىشانى ئومۇمەن ئىتالىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ مۇستەبىتلىك تۈزۈلمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي تۈزۈمىنى ئورنىتىشتىن ئىبارەت؛ لېكىن ئىجتىمائىي تەركىبى مۇرەككەپ بولغانلىقى، گۇرۇھلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن سىياسىي تەشەببۇسى خىلمۇخىل بولغان. ئۇ تەشكىلىي جەھەتتە مەخپىي دەرىجە شەكلىنى قوللانغان، يالغان نام ۋە يوشۇرۇن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن؛ تەشكىلاتقا كىرىشتە چاكىنا مۇراسىملارنى ئۆتكۈزگەن. 1381 - 7181-يىللىرى ئارىلىقىدا ئىتالىيىدە نۇرغۇن قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن، پەقەت 1820-يىلدىكى نېئاپول قوزغىلىڭىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، بىر مەھەل كورۇل فېردىناند Ⅰ نى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. فرانسىيىدە، بازارد (Saint Armand Bazard، 2381-1971) 1820-يىلى، بوناروتتى 1830-يىلى كاربونارلار تەشكىلاتىنى قۇرغان. ئىسپانىيىدىمۇ قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇرۇلغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئاستا-ئاستا ئاجىزلاشقان. كاربونارلارغا لافايېتتې، بىرون، لۇئى بوناپارت، ماززىنى قاتارلىقلار قاتناشقان. 

كارپىنىسكىي

  • كارپىنىسكىي[يەشمىسى:]» (Александр Петрович Карпинский، 1847— 1936) سوۋېت ئىتتى-پاقىلىق گېئولوگ. كان ئىنژېنېرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1866-يىلى پېتېربۇرگ كانچىلىق ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كان ئىنژېنېرى بولغان. كېيىن ئىنستىتۇتتا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1885- 1903-يىللى-رى گېئولوگىيە كومىتېتىنى باشقۇرغان. 6391 - 7191-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئورال، ئالتاي تاغلىرى، قىرغىزىستان ۋە روسىيىنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، گېئولوگىيىلىك قۇرۇلما، پالېئونتولوگىيە، كان مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر تەتقىقات قىلغان. روسىيىنىڭ ياۋروپا قىسمىنىڭ گېئولوگىيىلىك خەرىتىسىنى ۋە قەدىمكى جۇغراپىيىلىك خەرىتىسىنى بىرىنچى بولۇپ تۈزۈپ چىققان. كارپىنىسكىينىڭ «روسىيە ياۋروپا قىسمىنىڭ ئۆتمۈش گېئولوگىيىلىك دەۋرلىرى توغرىسىدىكى تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم» ۋە «روسىيە ياۋروپا قىسمى يەر پوستى كۆتۈرۈلۈشىنىڭ ئومۇمىي خاراكتېرى»، دېگەن ئەسەرلىرى بار.

كارترايت

  • كارترايت[يەشمىسى:]» (Edmund Cartwreght، 3281 - 3471) ئەنگلىيىلىك كەشپىياتچى. ئەسلىدە دىن تارقاتقۇچى. سۇ كۈچى بىلەن ئىشلەيدىغان يىپ ئېگىرىش ماشىنىسىدىن ئىلھاملىنىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە، 1785-يىلى سۇ كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان رەخت توقۇش ماشىنىسىنى كەشپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن رەخت توقۇش ئۈنۈمىنى 40 ھەسسە ئاشۇرغان. كېيىن يەنە يۇڭ تاراش ماشىنىسى (1789)، ئارقان ئېشىش ماشىنىسى (1792) كەشپ قىلغان. ئۇ يەنە فۇلتوننىڭ ھوركېمىسىنى سىناق قىلىپ ياسىشىغا ياردەملەشكەن. 

كارتوم (خارتوم) جېڭى

  • كارتوم (خارتوم) جېڭى[يەشمىسى:]» مەھدى قوزغىلىڭىدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم جەڭ. كارتوم (ھازىرقى نامى خارتوم) ئىككى نىل دەرياسىنىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەنگلىيە بىلەن مىسىرنىڭ سۇدانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش مەركىزى، باش ۋالىي مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ئىدى. مەھدى قوشۇنى ئۇنى 1884-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ قورشىۋالغان، ئىككىنچى يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ، كارتومنى ساقلاۋاتقان دۈشمەن قوشۇنىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ھەمدە باش ۋالىي مەھكىمىسىدە ئەنگلىيىلىك باش ۋالىي گوردوننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، پۈتۈن شەھەرنى ئازاد قىلغان. 

كارتېر

  • كارتېر[يەشمىسى:]» (Howard Carter، 7391 - 3781) ئەنگلىيىلىك ئارخېئولوگ. ياش ۋاقتىدا ئارخېئولوگ پېتىر (Flinders Petrie) نىڭ يېتەكچىلىكىدە تەلىم ئالغان. كېيىن مىسىر ھۆكۈمىتى قەدىمكى ئاسار ئەتىقىلەر ئىدارىسىنىڭ مۇپەتتىشى بولۇپ، توتموسىسⅣ (Thutmosis Ⅳ)،ئامېنخوتېپ Ⅰ(Amenhotep Ⅰ)، ئايال پادىشاھ خاتشېپسۇت (Hacepsut) Hatshepsut لارنىڭ قەبرىلىرىنى قازغان. باشقىلارغا قارىغاندا «پادىشاھلار جىلغىسى» غا بالدۇرراق دىققەت قىلىپ، كۆپ يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئاخىرى 1922-يىلى قەدىمكى مىسىر 18-خاندانلىقىنىڭ فىرئەۋىنى تۇتانكامون (Tutankhamon) نىڭ قەبرىسىنى تاپقان. بۇ قەبرە ئوغرىلانمىغان بولۇپ، تولۇق ساقلانغان. ئىچىدىن ئالتۇن تاۋۇت، فىرئەۋىنىڭ مومياسى ۋە زور تۈركۈمدىكى قىممەتلىك تارىخىي ئاسارئەتىقىلەر چىققان. كارتېرنىڭ باشقىلار بىلەن بىللە يازغان «توتموسىس Ⅳ قەبرىسى»، «تۇتانكامون قەبرىسى» دېگەن ئەسەرلىرى بار. 

كارتىنى

  • كارتىنى[يەشمىسى:]» (Raden Adjeng Kartini، 4091 - 9781) ئايال، ھىندۇنېزىيە ئاياللار ھەرىكىتى ۋە مىللىي ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ پېشۋاسى. فېئودال ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى جاپارا (Djapara) ناھىيىسىگە ھاكىم بولغان. كارتىنى گوللاندىيىدە ئوقۇغان. ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى ۋە ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە تەربىيىلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان، كونىچە تويلىشىشقا قارشى تۇرغان. رېمباڭ ناھىيىسىدە ھىندۇنېزىيە بويىچە تۇنجى ئاقسۆڭەك قىزلار مەكتىپىنى ئاچقان. ئۆز ۋەتەن خەلقىگە ھېسداشلىق قىلىپ ياۋروپا مەدەنىيىتىگە ئىنتىلىپ، ۋەتەننى مائارىپ ئارقىلىق قۇتقۇزۇشنى ئارزۇ قىلغان. مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرسىمۇ، لېكىن مۇستەملىكىچىلىككە، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇشنى ئىنقىلابىي كۈرەش بىلەن ئېنىق بىرلەشتۈرۈلمىگەن. 1904-يىلى كېسەل بىلەن ئۆلگەن. 1911-يىلى ئۇنىڭ ياۋروپادا ئوقۇۋاتقان چاغلاردا يازغان مەكتۇپلىرى توپلىمى «قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا» نەشىر قىلىنغان. ھىندۇنېزىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى (21-ئاپرېل) ئاياللار بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەن. 

كارخېمىش جېڭى

  • كارخېمىش جېڭى[يەشمىسى:]»يېڭى بابىلون بىلەن مىدىيە بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ ئاسسۇرىيىنى يوقاتقان جېڭى. مىلادىدىن 612 يىل ئىلگىرى يېڭى بابىلونىيە بىلەن مېدىيە بىرلەشمە قوشۇنى نېنېۋىي (Ninewa، ھازىرقى ئىراقتا) شەھىرىنى ھۇجۇم بىلەن ئالغاندىن كېيىن، ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قالدۇق كۈچلىرى ھارران (Harran، بۈگۈنكى تۈركىيىدە) تەرەپلەرگە چېكىنگەن. مىسىر فىرئەۋىنى سۈرىيىدىكى ھوقۇق مەنپەئىتىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، غەربىي ئاسىياغا ئەسكەر چىقىرىپ، ئاسسۇرىيىگە ياردەملەشكەن. مىلادىدىن 605 يىل ئىلگىرى يېڭى يابىلونىيە پادىشاھى ناپۇپولاسسار (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە ئۇنىڭ ئوغلى نابۇكودونوس-ور Ⅱ) بىرلەشمە قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ مىسىر فىرئەۋىنى نېكو بىلەن فرات دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى كارخېمىش (Carchemish) تا ئۇرۇشقان. نەتىجىدە مىسىر يېڭىلىپ، ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى يوقالغان، يېڭى بابىلونىيە سۈرىيە رايونىنى بېسىۋالغان. 

كاردېناس

  • كاردېناس[يەشمىسى:]»(Lazaro Cardenas، 0791 - 5981) مېكسىكىلىق سىياسىئون، زۇڭتۇڭ (0491 - 4391). مەتبەئە ئىشچىسى بولغان. 7191 - 0191-يىللىرىدىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1928-يىلى گېنېرال بولغان. ھەربىي رايون قوماندانى، شتات باشلىقى، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ رەئىسى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرغان چېغىدا ئىلغار ئىچكى سىياسەت يۈرگۈزۈپ، بۇرژۇئا دېموكراتىيە ئەركىنلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئاشكارا پائالىيەت قىلىشىغا يول قويغان، ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ھوقۇقى ۋە سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى ئېتىراپ قىلغان. 1937-يىلى تۆمۈر يوللارنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋالغان. 1938-يىلى ئامېرىكا، ئەنگلىيىلەرنىڭ نېفىت كارخانىلىرىنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغان. دۇنيا تىنچلىق كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيا تىنچلىقىنى ساقلاش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1956-يىلى «خەلقئارا تىنچلىقنى كۈچەيتكىنى ئۈچۈن» لېنىن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1970-يىلى كېسەل بولۇپ ۋاپات بولغان. 

كاردىنال ئېپىسكوپ

  • كاردىنال ئېپىسكوپ[يەشمىسى:]»قىزىل تونلۇق ئېپىسكوپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «كاردىنال» دېگەن سۆز لاتىن يېزىقىدىكى «Cardinalis» تىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئەڭ مۇھىم دېگەن مەنىدە. كاتولىك دىنىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئېپىسكوپى، ئورنى پاپادىنلا كېيىن تۇرىدۇ. پاپا تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ. بىر قىسىم كاردىنال ئېپىسكوپلار ۋاتىكاندا ۋەزىپە ئۆتەپ، ھەرقايسى ئورگانلارنى باشقۇرىدۇ؛ يەنە بىر قىسمى بەزى دۆلەتلەردىكى مۇھىم دىنىي رايونلارغا بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدۇ. كاردىنال ئېپىسكوپلاردىن تەركىب تاپقان «كاردىنال ئېپىسكوپلار ئىتتىپاقى» پاپانىڭ ئالىي مەسلىھەت ئورگىنى بولۇپ، پاپانىڭ ئورنى بوش قالغاندا ئۇنىڭ ئەزالىرى ئىچىدىن يېڭى پاپا سايلىنىدۇ. 1586-يىلى پاپا سىكسىت Ⅴ (Sixtus Ⅴ، 0951 - 5851-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) كاردىنال ئېپىسكوپلار شتاتى 70 كىشى بولىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. 1958-يىلىدىن كېيىن تەدرىجىي كۆپەيتىلگەن. 1976-يىلى 138 كىشىگە يەتكەن. 

كارفاگىن

  • كارفاگىن[يەشمىسى:]»(Cartago ياكى Carthage) ئافرىقىنىڭ شىمالىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن مىلادىدىن 814 يىل ئىلگىرى، فىنكىيە شەھىرىنىڭ تىيىرې (ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقى) دېگەن جايدىكى كۆچمەنلەر ھازىرقى تۇنىس قولتۇقىدا كارفاگېن قەدىمكى دۆلىتىنى قۇرغان، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى كۈچلۈك قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىدىكى جايلارنى، ئىسپانىيىنىڭ شەرقى جەنۇبىي قىرغىقى، بالېئارې تاقىم ئاراللىرى، ساردېنىيە ۋە كورىسېلارنى شۇنىڭدەك سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىنى ئىگىلىۋالغان؛ ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى ئىترۇرىيىلىقلار، بولۇپمۇ گرېكلار بىلەن رىقابەتلەشكەن. دېڭىز سودىسى كارفاگېنلىقلارنىڭ بېيىش مەنبەسى بولغان. ئۇلار قۇللارنى چوڭ قۇرۇقلۇقلاردا تېرىقچىلىققا ياكى كانلاردا مەدەن قېزىشقا، كېمىلەردە پالاق تۇتۇشقا سالغان. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئولگارخىيىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويغان: ئىككى نەپەر ئارخۇن ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرغان؛ 300 ئادەمدىن سېنات تەشكىللەنگەن، بۇنىڭ يادروسى 30 كىشىلىك (ئىككى نەپەر ئارخۇنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) كومىتېت بولۇپ، قانۇن تۈزۈش ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. ئاۋام پالاتاسى قانۇن ۋە قارارلارنى ماقۇللاش ئورنى بولغان، ئۇنىڭدىن باشقا «يۈز كىشىلىك كېڭەش» (104 نەپەر ئەزاسى بار) تەسىس قىلىنىپ، سوت ۋە تەپتىش ئورگىنى قىلىنغان. يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەللەرنى ئاقسۆڭەكلەر ئىگىلىۋالغان، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىگە مائاش بېرىلمىگەن. كارفاگېندا مال-دۇنيا بارلىق ھوقۇقنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا گۈزەل ئەخلاقنىڭ مىزانى (ئارىستوتېلنىڭ سۆزى) بولغان. ئارمىيە ئاساسەن ياللانما ئەسكەرلەردىن تەشكىللەنگەن، كارفاگېن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردە ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دېڭىز ئارمىيىسىگە ئىگە بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىن باشلاپ رىم (ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن) بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىدىكى ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالاشقان، شۇنداق قىلىپ، پوئېنى ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرى 641 - 462) نى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ كارفاگېن ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، رىم ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئافرىقا ئۆلكىسىگە ئايلىنىپ قالغان. مىلادى، 439-يىلى كارفاگېننىڭ ئەسلى زېمىنى ۋانداللار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. Ⅵ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى ۋە ئەرەب ئىمپېرىيىسىگە قارام بولغان. كارفاگېن مەدەنىيىتى دەسلەپ كۆپرەك فېنكىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، كېيىن رىم، يۇناننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، بىراق ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.

كاررېر

  • كاررېر[يەشمىسى:]»(Paul Karrer، 1791 - 9881) شۋېتسارىيىلىك خىمىك. موسكۋادا تۇغۇلغان. 1911-يىلى شۋېتسارىيە سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتورى بولغان. كېيىن گېرمانىيىدىكى فرانكفۇرت شەھىرىدە ئالتە يىل ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1919-يىلدىن باشلاپ سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋە خىمىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. كاروتىن، رىبۇفلاۋىن، A، B2، K، E ۋىتامىنلىرى تەتقىقاتىدا تۆھپە ياراتقان. 1937-يىلى ئەنگلىيىلىك ھوۋوس (Walter Norman Haworhz، 0591 - 3881) بىلەن نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

كارلⅪ

  • كارلⅪ[يەشمىسى:]» (KarlⅪ، 1655 — 1697) شۋېتسىيە كورۇلى (7961 - 0661). كارل Ⅹ گۇستاۋ (Karl Ⅹ Gustav، 0661 - 2261) نىڭ ئوغلى. گۆدەك چېغىدىلا تەختتە ئولتۇرغان بولۇپ، ئەمەلىي ھوقۇق ماگنۇس گابرېل گاردې (Magnus Gabriel de la Gardie، 6861 - 2261) باشچىلىقىدىكى نايىپ پالاتا تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان. 1672-يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت سورىغان. 1674-يىلى شۋېتسىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ گوللاندىيە ۋە براندېنبۇرگقا قارشى ئۇرۇش قىلغان. 9761 - 5761-يىللىرى سكانېي ئۇرۇشىدا دانىيىنى يەڭگەن ھەمدە دانىيىدىن تارتىۋالغان سكانېي (Skane) رايونىنى شۋېتسىيىلەشتۈرگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن مالىيە ۋە مەمۇرىي جەھەتلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بارغان؛ ئىلگىرىكى خان جەمەتىگە تەۋە بولغان مال-مۈلۈكلەرنى قايتۇرۇۋالغان. پادىشاھلىق ھوقۇقىنى جېنىنىڭ بارىچە كېڭەيتىپ، ئىستىبدات سۇلالە قۇرۇشقا ئۇرۇنغان؛ سىرتقا قارىتا تىنچلىق سىياسىتى قوللىنىپ، 1679-يىلى دانىيە بىلەن سۈلھ شەرتنامىسى تۈزگەن، كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە تىنچ ۋە مۇقىم ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن. 

كارلⅩⅡ

  • كارلⅩⅡ[يەشمىسى:]» (KarlⅩⅡ، 8171 - 5561) شۋېتسىيە كورۇلى (8171 - 7961). كارل Ⅺ نىڭ ئوغلى. تەختتىكى مەزگىللىرى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، باج كىرىمنى كۆپەيتكەن، ئۈزلۈكسىز تۈردە سىرت بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرغان. 1700-يىلى روسىيە، دانىيە، ساكسونىيە ۋە پولشا بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ شۋېتسىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، شىمال ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، كارل ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا دەسلەپ دانىيىنى سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈشكە مەجبۇرلىغان، كېيىن ئارمىيىنى باشلاپ نارۋا دېگەن جايدا ئىمپېراتور پېتر قوماندانلىقىدىكى روسىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 6071 - 1071-يىللىرى ئىمپېراتور سايلىغۇچى ئاۋگوست باشچىلىقىدىكى ساكسونىيە ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ غەلىبە قازىنىپ، پولشانى شۋېتسىيىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزگەن. 8071 - 7071-يىللىرى روسىيىگە يەنە ھۇجۇم قىلغان. 1709-يىلى پۇتى يارىلىنىپ ئارمىيىگە ئۆزى قوماندانلىق قىلالمىغانلىقتىن پولتاۋادا روسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن يېڭىلىپ قالغان ۋە قوشۇننى باشلاپ تۈركىيىدىن ياردەم سوراش ئارقىلىق شۋېتسىيىنىڭ كۈچلۈك ئورنىنى يېڭىباشتىن تۇرغۇزماقچى بولغان. 2171 - 1171-يىللىرى تۈركىيە بىلەن روسىيە ئۇرۇش قىلغان، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەپلىشىپ قالغان. 1714-يىلى كارل تۈركىيىدىن ۋەتىنىگە قايتقان. 1718-يىلى كۈزدە ئۇرۇشقا ئاتلىنىپ نورۋېگىيىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىدا قازا تاپقان. 

كارلفېلدت

  • كارلفېلدت[يەشمىسى:]»(Erik Axel Karlfeldt، 1391 - 4681) شۋېتسىيىلىك شائىر. كىچىك ۋاقتىدا يېزىدا تۇرغان. ئوپسالا (Uppsala) ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ئۇزۇن مەزگىل كۇتۇپخانا خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن. ئەدەبىيات ئۇسلۇبى كۆركەم ۋە ئۆزگىچە بولۇپ، كۆپىنچە يېزا كۆرۈنۈشلىرى ۋە ئادەتلىرىنى تەسۋىرلىگەن، ئەنئەنىلەرگە ئېتىبار بەرگەن، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيگەن. «مۇھەببەت ۋە دالا ناخشىسى»، «دالارنا تام رەسىملىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ۋاپاتىدىن كېيىن (1931) ئۇنىڭغا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىلگەن. 

كارل لىننېي

  • كارل لىننېي[يەشمىسى:]» (Carl von Linne ياكى Carolus Linnaeus، 8771 - 7071) لاتىنچە ئىسمى كارولۇس لىننائۇس. شۋېتسىيىلىك ناتۇرالىست. ئىككى ئىسىم بېرىش ئۇسۇلىنىڭ ئاساسچىسى. فرانسىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيىگە چىقىپ ئوقۇغان. ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. «تەبىئەت سىستېمىسى» دېگەن ئەسىرى ئەڭ مۇھىم. 1758-يىلدىكى ئونىنچى نەشىردە ۋە 1753-يىلى نەشىر قىلىنغان «ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى» دا «ئىككى ئىسىم بېرىش ئۇسۇلى» يەنى قوش ئىسىم بېرىش ئۇسۇلىغا دەسلەپكى قەدەمدە ئاساس سېلىپ، بۇرۇنقى قالايمىقان ئۆسۈملۈك ئىسىملىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بوتانىكا تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. يەنە سۈنئىي سىستېماتىكا ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان. بۇ «لىننېي لىگنوتسېرىن سىنىپى» دەپ ئاتىلىپ، كەڭ قوللىنىلغان. ⅩⅨ ئەسىرگە كەلگەندە ئۇنىڭ ئورنىنى تەبىئىي تۈرلەرگە بۆلۈش ئۇسۇلى ئالغان. يەنە ساياھەت خاتىرىسى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئائىت كۆپ خىل ئەسەرلىرى بولۇپ، كىتابخانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. 

كارلوسⅣ

  • كارلوسⅣ[يەشمىسى:]»(Carlos Ⅳ، 9181 - 9478) ئىسپانىيە كورۇلى (8081 - 8871). كارلوس Ⅲ نىڭ ئوغلى. دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن پادىشاھلىق تەختىگە چىققان. تەختتىكى مەزگىللىرى خانىكە مارىيە لوئىزا ھەمدە ئۇنىڭ ئەتىۋارلىق ۋەزىرى گودوي تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان. 1793-يىلى فرانسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئۇرۇشتا يېڭىلگەندىن كېيىن فرانسىيە بىلەن «سان ئىلدېفونسو شەرتنامىسى» تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. 1808-يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى ئىسپانىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە ئامېرىكىغا قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنغاندا، ئارانجۇئېز (Aranjuez) دا خەلق قوزغىلاڭچىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنىپ، پادىشاھلىق ئورنىنى ئوغلى فېرناندوغا بېرىش توغرىسىدا يارلىق چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي تەختتىن چۈشۈش يارلىقىنى ئىناۋەتسىز قىلىپ، ناپولېئوندىن ياردەم تەلەپ قىلغان، ئاخىرى ناپولېئوننىڭ قوللىشى ئارقىسىدا بايوننې (Bayonne، فرانسىيىنىڭ غەربىي چېگرىسىدىكى شەھەر) دە پادىشاھلىق ئورنىنى قايتۇرۇۋالغان، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي تەختنى ناپولېئوننىڭ ئاكىسىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن فرانسىيە ۋە ئىتالىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. كېيىن رىمدا ئۆلگەن. 

كارلوسچىلار

  • كارلوسچىلار[يەشمىسى:]» ئىسپانىيىدە مۇستەبىتلىك تۈزۈم ۋە چېركاۋ ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي گۇرۇھ. ئىسپانىيە كورۇلى فېرىناند Ⅶ (Ferdinand Ⅶ) نىڭ ئىنىسى دون كارلوس (Don Carlos، 5581 - 8871) ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تەخت تالىشىشىنى قوللىغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ⅩⅨ ئەسىردە ئىككى قېتىم كارلوس ئۇرۇشى قوزغىغان. 1918-يىلى ئەنئەنىچىلەر پارتىيىسىنى قۇرغان. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى ۋاقتىدا ئۇزۇن مىلتىقلىقلار پارتىيىسى بىلەن بىر سەپتە بولغان. 30-يىللارغا كەلگەندە دون كارلوسنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادى قۇرۇپ كەتكەنلىكتىن، كارلوسچىلارنىڭ باشلىقى 1958-يىلى ئالفونسو ⅩⅢ (Alfonso ⅩⅢ، 1491 - 6881) نىڭ ئوغلى، بارسېلونا گرافى دون خۇئاننى تەخت ۋارىسى قىلىپ تىكلىگەن. 1969-يىلى كارلوسچى ئۇنسۇرلار يەنە ئۇنىڭ ئوغلى، يەنى فرانكو تەرىپىدىن تەخت ۋارىسى قىلىپ بېكىتىلگەن خۇئان كارلوس (Juan Carlos de Borbon y Borbon، - 8391) نى قوللىغان. 

كارلوس ئۇرۇشى

  • كارلوس ئۇرۇشى[يەشمىسى:]»ئىسپانىيە بوربون خاندانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تەخت ۋارىسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولغان ئۇرۇش. ئاساسلىقى ئىككى قېتىم بولغان: (1) ئىسپانىيە كورۇلى فېردىناند Ⅶ 1833-يىلى ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى بولمىغانلىقتىن، ئۈچ ياشلىق چوڭ قىزى ئىزابېللا (ئىزابېللا Ⅱ دەپ ئاتالغان) تەختكە ۋارىسلىق قىلغان، ئانىسى مارىي كرىستىنا نائىب بولغان، فېردىناند Ⅶ نىڭ ئىنىسى دون كارلوس (Don Carlos، 5581 - 8871) ئاياللارنىڭ پادىشاھ بولۇشىنى مەنئى قىلىدىغان «سارىك قانۇنى» نى سۇيىئىستېمال قىلىپ تەختنى تارتىۋالغان ۋە ئۆزىنى چارلېس Ⅴ دەپ ئاتىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش كېلىپ چىققان. دون كارلوس ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى (كارلوسچىلار) پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ۋە دىنىي ھۆكۈم چىقىرىش مەھكىمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى، يەرلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، فېئودال ئاقسۆڭەكلەر، چېركاۋ ۋە شىمالىي قىسىم، شەرقىي شىمالىي قىسىمدىكى قالاق رايونلار دېھقانلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. نائىبلىق قىلىۋاتقان كورۇلىۋا تەرەپتە بولسا لىبېرال ئاقسۆڭەكلەر ۋە بۇرژۇئازىيە تۇرغان. ئۇرۇش ئاساسلىقى كاتالونىيە ۋە باسكونىيىلەردە ئېلىپ بېرىلغان. 1839-يىلى كارلوسچىلار يېڭىلگەن، شۇ يىلى سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈلۈپ، بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇش ئاياغلاشقان. (2) 1873-يىلى كارلوسچىلار يەنە ئۇرۇش قوزغاپ، 8-ئايدا ئېستېلىيە (Estella) نى بېسىۋالغان (ۋە ئۇنى پايتەخت قىلغان). ئۇلار چوڭ دون كارلوسنىڭ نەۋرىسى كىچىك دون كارلوس (Don Carlos، 9091 - 8481) نى تەختكە ئولتۇرغۇزماقچى بولغان. 1876-يىلى 2-ئايدا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئېستېلىيىنى قايتۇرۇۋالغان. كارلوسچىلار يېڭىلىپ، باشلىقى فرانسىيىگە قېچىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ئاياغلاشقان. 

كارلوۋىتس سۈلھ شەرتنامىسى

  • كارلوۋىتس سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:]»ئاۋسترىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن سۈلھ شەرتنامە. 7961 - 4861-يىللاردىكى ئاۋسترىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىدا، ئاۋسترىيە قوشۇنى تۈركىيە قوشۇنىغا زەربە بېرىپ، تۈركىيىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن 1699-يىل 1-ئاينىڭ 26-كۈنى مەزكۇر شەرتنامە ئىمزالانغان. شەرتنامە بويىچە: ۋېنگرىيە، ترانسىلۋانىيە، كرودىيە ۋە سىلوۋېنسىيىلەرنىڭ ئاۋسترىيە ھابىسبورگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەۋە بولغان. ۋېنېتسىيە ئاۋسترىيە تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقتىن، شەرتنامىگە ئاساس-ەن، مورىيە (Morea)، دالماتسىيە ۋە گېرتسېگوۋىنانىڭ بىر قىسمىغا ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي جەنۇبى ياۋروپانىڭ ئەمەلىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئۆزگەرتىلگەن.

كارلېيل

  • كارلېيل[يەشمىسى:]»(Thomas Carlyle، 1881 - 5971) ئەنگلىيىلىك يازغۇچى، تارىخشۇناس، پەيلاسوپ. شوتلاند ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى ئەسەرلىرىدە كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى باي-كەمبەغەللىكنىڭ تەكشى بولماسلىق ھادىسىسىنى تەنقىد قىلىپ، «پۇل پادىشاھلىقى» نىڭ كېلىپ چىقىشى خەلقنىڭ كەمبەغەللىكىنىڭ تۈپ يىلتىزى، دەپ قارىغان. لېكىن زورلۇق ئىنقىلابقا قارشى تۇرۇپ، ئەمگەكچى خەلقنى مەنسىتمىگەن. «مەنىۋى ئاقسۆڭەك» ئارقىلىق خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ خىل ئىدىيە ئۇنىڭ «كونا كىيىمنىڭ يېڭى پىچىلىشى»، «فرانسىيە ئىنقىلابىي تارىخى»، «ئاساسىي نىزام ھەرىكىتى»، «ئۆتمۈش ۋە بۈگۈن»، «قەھرىمانلىق ۋە قەھرىمانلارغا چوقۇنۇش توغرىسىدا» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەنگەن. 1848-يىلدىن كېيىن، ئاساسىي نىزام ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىدىن ھەم 1848-يىلىدىكى فرانسىيە ئىنقىلابىي ئاممىۋى ھەرىكىتىدىن قورقۇپ، ئەكسىيەتچىل مەيدانغا ئۆتۈپ كەتكەن. ئىنقىلابنى قارغاپ، چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ ئىستىبداتلىق سىياسىتىنى تىكلەشنى تەرغىپ قىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى گېرمانىيىلىك بىسماركنىڭ مىلىتارىستلىق سىياسىتىنى ئاشكارا ماختىغان.

كارلىسباد قارارى

  • كارلىسباد قارارى[يەشمىسى:]»گېرمانىيە ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرژۇئا ئىلغار ئەربابلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى. 1819-يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئاۋسترىيە، پروسىيە، ساكسونىيە، ھاننوۋېر قاتارلىق ئون شتات كارلىسباد (Karlsbad) تا پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىرىپ، ھەرقايسى شتاتلاردىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇش توغرىسىدا قارار ماقۇللىغان. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، فرانكفۇرت ئىتتىپاق پارلامېنتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان. قاراردا ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى ھەرقايسى شتاتلاردا ئىنقىلابچىلارنى قولغا ئېلىشقا، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا قاتتىق نازارەتنى يولغا قويۇشقا، ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپلەردىن ھەيدەپ چىقىرىشقا، ئىنقىلابىي گېزىت-ژۇرناللارنى پېچەتلەشكە، ستۇدېنتلار ئۇيۇشمىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ۋە يەنە شتاتلارنىڭ «قانۇنىي تەرتىپى» قورال كۈچى بىلەن ساقلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

كارلىستاد كېلىشىمى

  • كارلىستاد كېلىشىمى[يەشمىسى:]»شۋېتسىيە بىلەن نورۋېگىيىنىڭ چېگرا ئايرىش كېلىشىمى. 1905-يىل 9-ئاينىڭ 23-كۈنى شۋېتسىيىنىڭ كارلىستاد (Karlstad) شەھىرىدە ئىمزالانغان. ئاساسىي مەزمۇنى مۇنۇلار: شۋېتسىيە نورۋېگىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ۋە سودا ماللىرىنى باجلاتماستىن نورۋېگىيە ئارقىلىق شۋېتسىيىگە كىرگۈزۈش شەرتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. يەنە ئىككى مەملىكەت چېگرىسىدا بىتەرەپ بەلباغ قۇرۇلىدۇ.

كارمونا

  • كارمونا[يەشمىسى:]»(Osear de Fragoso Carmona Antonio، 1591 - 9681) پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى (1591 - 8291). كېلىپ چىقىشى ھەربىي. ھەربىي ئىنستىتۇتنى پۈتتۈرگەن. 1922-يىلى گېنېرال پولكوۋنىك بولغان. 1923-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. 1926-يىلىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ زۇڭلى، قوشۇمچە ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ئەمەلىيەتتە مۇستەبىت. 1927-يىلى پورتۇ ۋە لىسونلاردىكى قوزغىلاڭلارنى باستۇرغاندىن كېيىن، ئىچكى كابىنېتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلغان. 1928-يىلى 3-ئايدا، پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىش شەكلى بىلەن زۇڭتۇڭ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق زۇڭتۇڭ بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي ھوقۇقنى سالازار ئىگىلىگەن. 

كارناتىك ئۇرۇشى

  • كارناتىك ئۇرۇشى[يەشمىسى:]» ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھىندىستاننىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى كارناتىك (Carnatic) رايونىنى تالىشىپ ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى، بۇ ئۇرۇش ئۈچ قېتىم بولغان. (1) 8471 - 6471-يىللىرى، 1740-يىلى ياۋروپادا ئاۋسترىيە تەخت ۋارىسلىقىنى تالىشىش ئۇرۇشى يۈز بېرىپ، تا ھىندىستانغىچە كېڭەيگەن. 1746-يىلى فرانسىيە ئىنگلىزلارنىڭ قولىدىن مادراسنى تارتىۋالغان ھەمدە ئاركوت (Arcot) نىڭ نائىبى (ھۆكۈمرانى) ۋە كارناتىكنىڭ باش ۋالىيسى ئەنۋەر ئۇددىننىڭ ( ud Din-Anwar) قوشۇنىنى يەڭگەن. 1748-يىلى ئىمزالىغان «ئاچېن سۈلھ شەرتنامىسى» بويىچە مادراس ئەنگلىيىگە ياندۇرۇپ بېرىلگەن. (2) 4571 - 9471-يىللىرى. 1748-يىلى ھىندىستاننىڭ ھەيدەرئاباد ۋە كارناتىك شتاتلىرىدا تەخت ۋارىسلىقى مەسىلىسى كېلىپ چىققان. ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ ھەرقايسىسى بىر تەرەپنى يۆلىگەنلىكتىن ئۇرۇش كېلىپ چىققان. باشتا فرانسىيە يەڭگەن، لېكىن 1751-يىلى ئەنگلىيىلىك كلايۋ 500 كىشىلىك بىر قوشۇنغا باشلامچىلىق قىلىپ، ئاركۇتنى تارتىۋالغان ھەمدە فرانسىيە قوللىغان چاغدا ساھىب (Chanda Sahib) قوشۇنىغا 53 كۈن قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئەنگلىيىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى غەلىبىگە ئۆزگەرتكەن. 1752-يىلى ئىنگلىزلار ترىچىنوپولى (Trichinopoly)دا يەنە چوڭ غەلىبىگە ئېرىشكەن، فرانسىيە قوشۇنى تەسلىم بولغان. 1754-يىلى ئىككى دۆلەت سۈلھ شەرتنامىسى تۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ۋاقتىنچە توختىغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش فرانسىيىنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرغان. (3) 3671 - 6571-يىللىرى، ياۋروپادا 1756-يىلى يەتتە يىللىق ئۇرۇش پارتلاپ، يەنە بىر قېتىم ھىندىستانغا تۇتاشقان. 1759-يىلى ئەنگلىيە شىمالىي ساركار (Circars) رايونىنى تارتىۋالغان ھەمدە ۋاندىۋاش (Wandiwash) دېڭىز ئۇرۇشىدا فرانسىيە قوشۇنىنى يەڭگەن. ئىككىنچى يىلى ئەنگلىيە پوندىچېررى (Pondicherry) نى مۇھاسىرە قىلغان. 1761-يىلى فرانسىيە قوشۇنى تەسلىم بولغان. 1763-يىلى «پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى» ئىمزالانغان. شۇنىڭ بىلەن فرانسىيە ھىندىستاندىكى ئۈستۈنلۈكىدىن ئايرىلىپ، پەقەت كارىكال (Karikal)، چاندىگار (Chandigarh)، ماھې (mahe)، پوندىچېررى ۋە يانائون (Yana on) دىن ئىبارەت بەش مۇداپىئەسىز شەھەرنىلا ساقلاپ قالغان. 

كارنوت

  • كارنوت[يەشمىسى:]»(1) لازارنىكولا مارگېرىت كارنوت (Lazar Nicolas Marguerite Carnot، 3281 - 3571) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى سىياسىي ئەرباب، ھەربىي ئالىم. ساپيور قىسىملىرى كاپىتانى بولۇپ، ئىستىھكام-مۇداپىئە قۇرۇلۇشى مۇتەخەسسىسى، كېيىن 1789-يىلىدىكى ئىنقىلابقا قاتناشقان. 1791-يىلى تۆۋەن كالې ئۆلكىسىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قانۇن تۇرغۇزۇش پارلامېنتىغا كىرگەن. 1792-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ رېين يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. 9-ئايدا، مىللىي ئۇيۇشمىغا سايلانغان. ئۇ مۆتىدىللەر گۇرۇھىغا مەنسۇپ بولۇپ، لۇئى ⅩⅥ نى ئۆلتۈرۈشنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. 1793-يىل 8-ئايدا ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتىغا قاتنىشىپ، ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل بولغان. روبېسى-پېر(M. Robespierre) نىڭ تېررورلۇق سىياسىتىگە نارازى بولغانلىقتىن، تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوللىغان. 1795-يىلى 11-ئايدا نازارەتچى ئەمەلدار بولۇپ سايلانغان بولسىمۇ، لېكىن بالاس بىلەن چىقىشالمىغانلىقتىن، مېۋە پىششىقى ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن گېرمانىيىگە چىقىپ كەتكەن. 1800-يىلى ناپولېئون Ⅰ چاقىرتىپ كېلىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي سىياسىي كۆز قاراشنىڭ بىردەك بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىقىپ، ماتېماتىكا ۋە ھەربىي ئىشلار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1814-يىلى ئانتۋىرپېن (Antwerpen) نى ساقلاشقا ئەۋەتىلگەن. يۈز كۈنلۈك خاندانلىق مەزگىلدە، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1816-يىلى كورۇلنى ئۆلتۈرگۈچى دەپ قارىلىپ چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەلدە ئۇزۇن مۇددەت مۇساپىر بولۇپ تۇرغان. «ئورۇنلار گېئومېترىيىسى»، «قورۇل مۇداپىئەسى توغرىسىدا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) مارى فرانكىيۇس سادى كارنوت (Marie Francois Sadi Carnot، 4981 - 7381). فرانسىيە 3-جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (4981 - 7881). پارىژ ئۇنىۋېرسال تېخنىكا مەكتىپى ۋە كۆۋرۈك-تاشيول مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلىگەن. 1781 - 0771-يىللىرىدىكى پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، نورماندىيە رايونىنىڭ پەۋقۇلئاددە ۋەكىلى بولغان. تۆۋەنكى سېنا ئۆلكىسىدە قىسقا مۇددەت ئۆلكە باشلىقى بولغاندىن كېيىن، پارلامېنتقا سايلىنىپ، پۈتۈن زېھنىنى جامائەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. كېيىن جامائەت ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان. 1885-يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ سايلىنىپ، سودا ۋە مالىيە مىنىستىرى بولغان. 1887-يىلى گرېۋى (J.Grevy) دىن كېيىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1889-يىلى ھۆكۈمەتنىڭ بۇلانزېنى قولغا ئېلىش توغرىسىدىكى قارارىنى قوللىغان. پاناما سەتچىلىكى يۈز بەرگەندە ھۆكۈمەتنى جېنىنىڭ بارىچە ئاقلىغان. 1894-يىل 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ليون كۆرگەزمىسىدە سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. 

كارولⅠ

  • كارولⅠ[يەشمىسى:]»(Carol Ⅰ، 4191 - 9381) رومىنىيە كىنەزى (1881 - 6681)، كورۇل (4191-1881). پ-رۇسسىيە خان جەمەتى شىرەم تۇغقانلىرىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، خوخېنىسوللېرنزىگمارىن-گېنلار (Hohenzollern - Sigmaringen) جەمەتىدىن. 1866-يىلى 5-ئايدا غەلىتە ئىتتىپاقنىڭ يۆلىشى بىلەن كىنەز بولغان. 1877-يىلى ئەسكەر باشلاپ روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە ھەدەپ قاقتى-سوقتى قىلىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى سىنىپىي زىددىيەتلەرنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتكەن. نەتىجىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 1888-ۋە 1907-يىللىرى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغان. 5091 - 7091-يىللىرى ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان. 1883-يىلى رومىنىيىنىڭ ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقى (1882-يىلى گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە، ئىتالىيە تۈزگەن ھەربىي ھەمكارلىق ئىتتىپاقى) غا قاتنىشىش توغرىسىدىكى مەخپىي كېلىشىمنى ئىمزالاپ، گېرمانىيە، ئاۋسترىيىگە بېقىنغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، گېرمانىيە تەرەپ بولۇپ ئۇرۇشقا قاتناشماقچى بولغاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان گۇرۇھنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغائۇچراپ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. 

كارولⅡ

  • كارولⅡ[يەشمىسى:]»(Carol Ⅱ، 3591 - 3981) رومىنىيە كورۇلى (1930 - 1940). فېردىناند Ⅰ نىڭ چوڭ ئوغلى. ئەسلىدە شاھزادە. 1925-يىلى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، فرانسىيىگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 1927-يىلى فېردىناند ئۆلگەندىن كېيىن ۋارىسلىق ھوقۇقى ئېلىپ تاشلىنىپ، نائىبلار ھوقۇق تۇتقان. 1930-يىلى مەملىكىتىگە قايتقاندىن كېيىن، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېھقانلار مىللەت پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى يۇلىئۇس مانىيۇ (Julius Maniu، 3591 - 3781) نىڭ ماقۇللۇقى بىلەن تەختكە ئولتۇرغان. تەختكە ئولتۇرغان يىللىرىدا ئىچكى جەھەتتە ئىستىبداتلىق ھۆكۈمرانلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كونا ئاساسىي قانۇننى بىكار قىلغان ھەمدە 1938-يىلى 2-ئايدا يېڭى ئاساسىي قانۇننى ماقۇللاپ، پادىشاھلىق ھاكىممۇتلەقلىك ئورناتقان. پولات گۋاردىيە پولكى گىتلېر گۇرۇھىنىڭ ياردىمىدە دۆلەت ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقا تەييارلانغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكىنى ئۆلتۈرگەن. كوممۇنىستىك پارتىيىگە ۋە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى تارقىتىۋېتىپ، كەسەبىيلەر ئۇيۇشمىلىرىنى قۇرغان، پومېشچىك، بۇرژۇئازىيىنىڭ بارلىق كونا پارتىيىلىرىنى تارقىتىۋېتىپ، مىللىي گۈللىنىش سېپى دەپ ئاتالغان سىياسىي ئاپپارات قۇرغان (1940-يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ نامى مىللەت پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن). سىرتقا قارىتا ئەنئەنىۋى ئەنگلىيەپەرەسلىك، فرانسىيەپەرەسلىك سىياسىتى يۈرگۈزگەن. 1940-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى، بۇلغارىيە، ۋېنگرىيىلەر بېسارابىيە، بۇكوۋىنانىڭ شىمالىي قىسمى، جەنۇبىي دوبرۇجا(Dobrogea) ترانسىلۋانىيىلەرنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئورنىنى ئوغلىغا بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 

كارول سۈلھ شەرتنامىسى

  • كارول سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:]» «ئانتالىكىداس شەرتنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىلادىدىن 387 يىل ئىلگىرى سپارتا پۈتۈن گرېتسىيىنىڭ مەنپەئىتىنى سېتىش يۈزىسىدىن پېرسىيە بىلەن ئىمزالىغان شەرتنامە. كورېنتوس ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرى 783 - 593) داۋامىدا، ئافىنا، كورېنتوس، دىبىس قاتارلىقلارنىڭ بىرلىشىپ قارشى تۇرۇشى بىلەن، سپارتانىڭ ئەمەلىي كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ كەتكەن، ئۇنىڭ گرېتسىيىدىكى زومىگەرلىكى تەۋرىنىپ قالغان. سپارتا ھۆكۈمدارى پېرسىيىدىن ياردەم تىلىگەندە پېرسىيە پادىشاھى ئافىنانىڭ قايتا قۇدرەت تېپىشىدىن قورقۇپ، سپارتاغا ياردەم بېرىشكە رازى بولغان. مىلادىدىن 387 يىل (ياكى 386 يىل) ئىلگىرى، سپارتانىڭ ئەلچىسى ئانتالكىداس (Antalkidas) پېرسىيىنىڭ پايتەختى سوسادا پادىشاھ ئەردەشىرⅡ (Artaxerxes Ⅱ) بىلەن شەرتنامە تۈزگەن. ئۇنىڭدا كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان گرېتسىيىنىڭ ھەرقايسى قەلئەلىرى پېرسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولىدۇ، لېكىن لېمنوس (Lemnos)ۋە ئىمبروس (Imbros) ئاراللىرى (خېلىسپاننىڭ غەربىدە) يەنىلا ئافىناغا تەۋە بولىدۇ؛ گرېتسىيىنىڭ باشقا قەلئەلىرى، سپارتانىڭ تەسىر كۈچى دائىرىسىدە «ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقى» دىن بەھرىمەن بولىدۇ. سپارتا باشچىلىقىدىكى پېلوپوننىسا ئىتتىپاقىدىن باشقا، ھەممە ئىتتىپاق تارقىتىۋېتىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. كورېنتوس ئۇرۇشى پېرسىيە كارولىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئاياغلاشقان. شۇنىڭ بىلەن پېرسىيە گرېتسىيىنىڭ ھەقىقىي خوجايىنىغا ئايلانغان.

كارولدىس

  • كارولدىس[يەشمىسى:]»(Pavlos Karolidis، 0391 - 9481) گرېتسىيىلىك تارىخشۇناس. 1893-يىلدىن باشلاپ ئافىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئىلمىي پروفېسسورى بولغان. تارىخىي مەنبەلەرنى توپلاشقا ئەھمىيەت بەرسىمۇ، لېكىن مۇتەئەسسىپ كۆز قاراشتا بولغان. سىياسىي جەھەتتە ئۆتۈپ كەتكەن پادىشاھپەرەس. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «كونستانتىنوپولنىڭ بويسۇندۇرۇلۇشىدىن گېئورگى Ⅰ نىڭ ھۆكۈمرانلىقىغىچە بولغان يۇنان تارىخى»، «1291 - 1281-يىللاردىكى يۇنان ۋە شەرق ئەللىرىنىڭ ھازىرقى زامان تارىخى» قاتارلىقلار بار.

كارولىن خاندانلىقى

  • كارولىن خاندانلىقى[يەشمىسى:]»لاتىنچە Garolingi دەپ، فرانسۇزچە Carolingiens دەپ يېزىلىدۇ. فرانك پادىشاھلىقى خاندانلىقى، ئىمپېراتور كارولۇس («كورول» نىڭ لاتىنچىسى Garolus) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. مىلادى 751-يىلى مېروۋېي خاندانلىقىنىڭ ئوردا ۋەزىرى پېپىن (پەتەك) تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئىمپېراتور كارول تەختتىكى مەزگىلدە خاندانلىق راسا گۈللەنگەن دەۋر بولۇپ، غەربىي ياۋروپانىڭ زور قىسمىنى باشقۇرغان. فېئوداللىق تۈزۈم ئاساسەن مۇقىملاشقان. 843-يىلى «ۋېردېن شەرتنامىسى» ئىمزالانغاندىن كېيىن، كورۇلۇس ئىمپېرىيىسى ئۈچكە بۆلۈنۈپ كەتكەن، كارولىن خاندانلىقىمۇ ئۈچ تارماققا بۆلۈنۈپ، بۇلار شەرقىي فرانك پادىشاھلىقى، غەربىي فرانك پادىشاھلىقى ۋە ئوتتۇرا پادىشاھلىق دەپ ئاتىلىپ، ھەرقايسىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 119، 987 — ۋە 887-يىللىرى يىمىرىلگەن. كارولىن خاندانلىقىنىڭ ئاساسلىق پادىشاھلىرى ۋە ئۇلار تەختتە ئولتۇرغان مەزگىل تۆۋەندىكىچە: پېپىن (پەتەك) (751 — 768)، ئىمپېراتور كارول (768 - 814)، لۇئى (تەقۋادار) (048 - 418)، لۇئى (گېرمان) (678 - 348)، كارل (تاقىرباش)(778 - 348)، ل-وتېرⅠ (Lothaire) (840 — 855). 

كارولىن خاندانلىقى دەۋرىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى

  • كارولىن خاندانلىقى دەۋرىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى[يەشمىسى:]»فرانك پادىشاھلىقى كارولىن خاندانلىقىنىڭ ئىمپېراتورى كارلۇس تەختتىكى مەزگىلدىكى (418 - 867) مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ قايتا گۈللىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۆزنى ئالدى بىلەن ⅩⅨ ئەسىردىكى ياۋروپا بۇرژۇئا ئالىملىرى قوللانغان. ئىمپېراتور كارلۇس دۆلەتنى باشقۇرۇشتىكى ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئوردىدا ئىنستىتۇت تەسىس قىلىپ، جايلاردىكى ئالىملارنى دەرس سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالگوئىن، پاۋلۇ دىئاكون، ئېنخارد قاتارلىقلار بىرقەدەر مەشھۇر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە چېركاۋ ۋە ئىبادەتخانىلارنى مەكتەپ ئېچىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن، گراماتىكا، ستىلىستىكا، لوگىكا، ھېساب، گېئومېترىيە، ئاسترونومىيە، مۇزىكا پەنلىرىنى تەسىس قىلىپ، بۇلارنى «ئەركىن يەتتە ماھارەت» دەپ ئاتىغان؛ ئادەم ئەۋەتىپ قەدىمكى لاتىن يېزىقى ۋە يۇنان يېزىقىدىكى قول يازمىلارنى توپلاتقۇزغان ۋە كۆچەرتكۈزگەن، بۇنىڭ بىلەن كېيىنكىلەر ئۈچۈن كۆپلىگەن قىممەتلىك قەدىمكى كىتابلارنى ساقلاپ قالغان؛ يەنە ئىمپېرىيىنىڭ پايتەختى ئاچېن (Achen فېدېراتىپ گېرم-انىيىسىنىڭ غەربىدە) ۋە باشقا جايلاردا ساراي ۋە ئىبادەتخانىلارنى سالدۇرغان، لېكىن كۆپى ياغاچتىن سېلىنغان بولۇپ، لايىھىلىنىشىمۇ قوپال بولغان. ئومۇمەن ئېيتقاندا، كارولىن خاندانلىقى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت بۇرۇنقىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن كلاسسىك مەدەنىيەتنى «قايتا گۈللەندۈرۈش» نىڭ شەرت-شارائىتلىرىنى ھازىرلاشتىن بەكمۇ يىراقتا تۇرغان. 

كارولىن ئىمپېرىيىسى

  • كارولىن ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:]»ئوتتۇرا ئەسىردىكى غەربىي ياۋروپادا ئەڭ دەسلەپ باش كۆتۈرۈپ چىققان فېئوداللىق دۆلەت. ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى ئىمپېراتور كارولۇس بولغاچقا شۇنداق نام ئالغان. «ئىمپېراتور كارولۇس»، «ۋېردۇن شەرتنامىسى» غا قارالسۇن. 

كارولىن ئىمپېرىيىسى

  • كارولىن ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:]» يەنى «كارلۇس ئىمپېرىيىسى». 

كارولىي

  • كارولىي[يەشمىسى:]»(Karolyi Mihaly، 5591 - 5781)، ۋېنگرىيە جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى (1919). «48 يىل مۇستەقىللىك پارتىيىسى» نىڭ داھىيسى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 8191 - 6091-يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تىسائىتېتۋان (Tisza Istvan) ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنى قوزغىغان؛ ۋېنگرىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ ئىتتىپاقىنى بىكار قىلىپ، ئانتانتا دۆلەتلەر بىلەن ئۆز ئالدىغا سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالاشنى تەشەببۇس قىلغان. 1910-يىلى 10-ئايدا، ۋېنگرىيە مىللىي كومىتېتىنى قۇرۇپ، ھابسبۇرگ خاندانلىقىغا قارشى كۈرەش قىلغان. 1918-يىلى، ۋېنگرىيە مىللىي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بولغان. شۇ يىلى ۋېنگرىيە بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىي غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى بولغان. 1919-يىلىدىكى ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە چەت ئەلدە خورتى (Miklos Horthy)نىڭ فاشىستىك دىكتاتۇرىسىغا قارشى كۈرەشكە قاتناشقان ۋە ئۇنى ئۇيۇشتۇرغان. 1943-يىلى ئەنگلىيىدە «دېموكراتىك ۋېنگرىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى» گە يېتەكچىلىك قىلغان. 1946-يىلى ۋەتىنىگە يېنىپ كەلگەن. 9491 - 7491-يىللىرى ۋېنگرىيىنىڭ فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. 1955-يىلى فرانسىيىدە ۋاپات بولغان. 

كارون جەمئىيىتى قوزغىلىڭى

  • كارون جەمئىيىتى قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]» 1930 — 1932-يىللىرىدىكى بىرما دېھقانلىرىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭچىلارنىڭ يولباشچىسى ساياسان 1929-يىلى «كارون جەمئىيىتى» نى قۇرغان. «كارون» (Karon) بىرما ئەپسانىلىرىدىكى زەھەرلىك يىلاننى يەيدىغان خاسىيەتلىك قۇش بولۇپ، قوزغىلاڭچىلار ئۇنى سىمۋول قىلىپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى تۇرۇپ مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلغان. 1930-يىلنىڭ ئاخىرىدا قوزغىلاڭ ئاۋۋال تارراۋاددى (Tharrawaddy) دا پارتلاپ، كېيىن تېزلىكتە ھەر قايسى جايلارغا كېڭىيىپ مۇستەملىكىچى دائىرىلەرگە قاتتىق زەربە بەرگەن. كېيىن تەشكىلىي جەھەتتىن پۇختا بولمىغاچقا، 1932-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. ساياساننىڭ ئۆزىمۇ قوزغىلاڭ داۋامىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. 

كارۇسو

  • كارۇسو[يەشمىسى:]»(Enrio Caruso، 1291 - 3781) ئىتالىيىلىك ئەرلەر يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى، ئوپېرا ئارتىسى. نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. 3981 - 3881-يىللىرى ماشىنىسازلىق ئىشچىسى ھەم بوغالتىر بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا داڭلىق ئۇستىلاردىن مۇزىكا ئۆگەنگەن. 1894-يىلى نېئاپولدا دا تۇنجى قېتىم ئويۇن قويغان. 1898-يىلى مىلاندا ناخشا ئېيتىپ نام چىقارغان. شۇنىڭدىن كېيىن دائىم دېگۈدەك سان-پېتېربۇرگ، موسكۋا، بۇئېنوس-ئايرىس، لوندون، نيۇ-يوركلاردا ئويۇن قويغان. ئۇنىڭ ئاۋازى ياڭراق ۋە يېقىملىق بولۇپ، ھېسسىياتقا باي، 50 ئوپېرادا ناخشا ئېيتقان. ئۇنىڭ «ناخشا ئېيتىش ئۇسۇللىرى» دېگەن ئەسىرى بار. 

كارېي

  • كارېي[يەشمىسى:]»(Henry Charles Carey، 9781 - 3971) ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى چاكىنا ئىقتىسادشۇناسى. فلادېلفىيىدىكى باي سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. سىستېمىلىق تەربىيە ئالمىغان. 5381 - 7181-يىللىرى ئاتىسىنىڭ مۈلكىگە مىراسلىق قىلىپ، نەشرىيات ئىشلىرىنى باشقۇرغان. 1835-يىلى سودىگەرچىلىكتىن ۋاز كېچىپ، ئىقتىسادشۇناسلىقنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان. دەسلەپتە ئەركىن سودىنى تەشەببۇس قىلغان، كېيىن قوغدىنىش چېگرا بېجىنى ھىمايە قىلغان، ئەمما يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ سودا-سانائەتكە نىسبەتەن ئارىلاشماسلىق سىياسىتى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ، قىممەت تەكرار ئىشلەپچىقىرىش خىراجىتىنى بەلگىلەيدۇ، ئىجتىمائىي ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، مەھسۇلات ۋە كاپىتالنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ، ئەمگەك دارامىتى بىلەن كاپىتال تاپاۋىتى بىرلا ۋاقىتتا كۆپىيىدۇ، لېكىن كاپىتال تاپاۋىتى نىسپىي ھالدا كېمىيىدۇ، دەپ قارىغان؛ رىكاردونىڭ يەر ئىجارىسىدىكى كاپىتالنىڭ كۆپىيىپ بېرىش قانۇنىغا قارشى تۇرۇپ، يەرنى كاپىتال، يەر ئىجارىسىنى ئۆسۈم دەپ قاراپ، كاپىتال بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ھەققىدىكى ئۇقۇمنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، كاپىتالىزمنىڭ ئانتاگونىيىلىك زىددىيىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. سىنىپىي مۇرەسسەچىلىك نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلغان. مالتۇسنىڭ نوپۇس نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغان. كانت ۋە سپېنسېرنىڭ ئىجتىمائىي تەلىماتىغا ۋارىسلىق قىلغان ھەمدە ئۇنى راۋاجلاندۇرغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «سىياسىي ئىقتىساد قائىدىسى»، «بۇرۇن، ھازىر، كەلگۈسى»، «ئىجتىمائىي پەن قائىدىسى» قاتارلىقلار بار. 

كارېيېۋ

  • كارېيېۋ[يەشمىسى:]»(Николай Иванович Кареев، 1391 - 0581) روسىيىلىك تارىخشۇناس. 1873-يىلى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 9981 - 9781-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ۋارشاۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1910-يىلى روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئالاقە ئاكادېمىكى بولغان، 1929-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي ئەزاسى بولغان. ئۇزۇن مەزگىل پۈتۈن كۈچ-زېھنىنى بۈيۈك فرانسىيە ئىنقىلابىي تارىخىنى، بولۇپمۇ ئىنقىلابنىڭ ئالدى-كەينىدىكى دېھقانلار مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشقا سەرپ قىلغان. 1879-يىلى «فرانسىيىدە ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدىكى دېھقانلار ۋە دېھقانلار مەسىلىسى» ئەسىرىنى ئېلان قىلغان. بۇ كىتاب ماركس ۋە ئېنگېلسنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇ دەلىلچىلىك ئېقىمىدىكى تارىخچى بولغاچقا، ماتېرىيال توپلاشقا كۆپ ئەھمىيەت بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر تەتقىقاتىغىمۇ دىققەت قىلغان. لېكىن «تارىخىي پەلسەپىنىڭ نېگىزلىك مەسىلىلىرى» دېگەن كىتابىدا تارىخنىڭ ھەقىقىي بىر پەن ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىنمۇ تارىخ تەتقىقاتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىپ، بۈيۈك فرانسىيە ئىنقىلابىغا ئائىت زور مىقداردىكى ھۈججەت ماتېرىياللارنى توپلىغان. ئۇنىڭ يەنە «قەدىمدىن تارتىپ 1789-يىلغىچە بولغان فرانسىيە دېھقانلىرى تارىخى تېزىسى»، «غەربىي ياۋروپا يېقىنقى زامان تارىخى» دېگەن ئەسەرلىرى بار. ئۇ يەنە «پارىژ شەھىرى رايونلىرىنىڭ 5971 - 0971-يىللاردىكى تېخى ئېلان قىلىنمىغان تارىخىي ماتېرىياللىرى»، «پارىژ شەھىرى رايونلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتنىڭ 2-يىلى تومۇز ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى تېخى ئېلان قىلىنمىغان يىغىن خاتىرىلىرى» قاتارلىق ماتېرىياللارنى رەتلەپ نەشىر قىلدۇرغان. 

كارىب دېڭىزى كرىزىسى

  • كارىب دېڭىزى كرىزىسى[يەشمىسى:]»يەنى «كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كرىزىسى». 

كارىب ئورتاق گەۋدىسى

  • كارىب ئورتاق گەۋدىسى[يەشمىسى:]»كارىب رايونىدىكى رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلات. 1973-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان. سابىق كارىب ئەركىن سودا رايونىدىكى گۋىئانا، يامايكا، باربادوس، ترىنىداد ۋە توباگودىن ئىبارەت تۆت دۆلەتتىن تەركىب تاپقان. 1983-يىلى 7-ئايغىچە ئەزالىرى 13 دۆلەت ۋە تەشكىلاتقا يەتكەن. باش ئورگىنى گۋىئانانىڭ پايتەختى — گېئورگېتاۋىندا. مەقسىتى رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تاشقى سىياسىتىنى تەڭشەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلات ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئورتاق گەۋدە يېمەكلىكلەر شىركىتى، كارىب ئورتاق گەۋدىسى كوممىقوناق ۋە پۇرچاق شىركىتى، غەربىي ھىندىستان دېڭىز نەقلىيات شىركىتى، كارىب ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئورگانلارنى قۇرغان ھەمدە كارىب بېلىقچىلىق مەكتىپى ئاچقان. 1875-يىلى مەزكۇر ئورتاق گەۋدە ئافرىقا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرغان. 1979-يىلى ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى بىلەن سۆزلىشىپ، ئىلگىرى-كېيىن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى «لومې كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان. 1983-يىلى 7-ئايدا ئورتاق گەۋدە تۆتىنچى نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنى ئاچقان. 

كارىبېسلار

  • كارىبېسلار[يەشمىسى:]»(Caribes) ئەسلىدە كالىناگو (Calinago) لار ياكى كالىنا (Calina) لار دەپ ئاتالغان. ئانتىل تاقىم ئاراللىرى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىدىكى ئىندىئانلارنىڭ بىر تارمىقى. ئەسلىدە برازىلىيىدىكى ھىنگۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى ۋە تاپاژوس دەرياسى ۋادىلىرىدا ياشىغان. تەخمىنەن ⅩⅤ ئەسىردە ۋېنېسۇئېلا ۋە گۋىئانا ساھىلىغا كۆچۈپ كەلگەن. مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا كىچىك ئانتىل تاقىم ئاراللىرىغا كۆچۈپ كەلگەن. كولومبىيە، پىرونىڭ ئاندس تاغلىق رايونى، گۋىئانا، شىمالىي ئامېرىكىدىكى فلورىدانىڭ ساھىللىرىغىچە تارقىلىپ ماكانلاشقان. ئاساسەن، بېلىقچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە سېۋەت توقۇش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېڭىزدا يۈرۈشكە بەكمۇ ماھىر بولۇپ، يالغۇز قولۋاققا ئولتۇرۇپلا كارىب دېڭىزى رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا بارالايدۇ. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، ئانتىل تاقىم ئاراللىرىدىكى كاربېسلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 

كارىتان دۆلىتى

  • كارىتان دۆلىتى[يەشمىسى:]» (Karitan) ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. سۇماترا ئارىلىغا جايلاشقان. مىلادى Ⅴ ئەسىردە بىسابامۇ دېگەن بىر ھۆكۈمرانى بولغان. بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. جۇڭگونىڭ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگوغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن.

كازۇئايا ئاكىراې توپلىمى

  • كازۇئايا ئاكىراې توپلىمى[يەشمىسى:]» ياپونىيە خېيئان دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى شېئىرلار توپلىمى. فوزىۋاراكىنتو (1401 - 669) تۈزگەن. ئاساسەن ئوئې كورېتوكىنىڭ «مىڭ مىسرالىق ئېسىل شېئىر» دىن ماتېرىيال ئېلىنغان.كازۇئايا شېئىرلىرىدىن 500 مىسرا ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە شىراكۇتاكاشىنىڭ شېئىرلىرىدىن 137 مىسرا، كائىبارافومىتوكىنىڭ شېئىرلىرىدىن 40 نەچچە مىسرا بار؛ يەنە 216 كۇپلېت نەزىم كىرگۈزۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئوسامونوكى ئىتارونىڭ 20 نەچچە كۇپلېت نەزمىسى بار. توپلامنىڭ ئالدىنقى تومىدا تۆت پەسىل تېما قىلىنغان، كېيىنكى تومىدا كازۇئايا تېما قىلىنغان. بۇ كىتاب دىكلاماتسىيە ۋە شېئىر يېزىش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى دەرسلىك بولۇپ، كەڭ تارقالغان. بەزى خەتتاتلارنىڭ قول يازمىسى ھازىرغىچە ھۆسىن خەت ئۈلگىسى قىلىپ ئىشلىتىلمەكتە.

كازىمېرزⅠ (قايتا تىكلىگۈچى)

  • كازىمېرزⅠ (قايتا تىكلىگۈچى)[يەشمىسى:]» (Kazimierz I Odnowiciel، 8501 - 6101) پولشا كورۇلى (8501 - 4301). مېشكو Ⅱ نىڭ ئوغلى. تەختكە ئولتۇرغان چېغىدا پولشا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان كۆپلىگەن فېئودال سۇيۇرغاللارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. تەخمىنەن 1034-يىلى بىر فېئوداللار گۇرۇھى تەرىپىدىن مەملىكەتتىن ھەيدەپ چىقىرىلغان. تەخمىنەن 1039-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى پادىشاھى ھېنرى Ⅲ نىڭ ياردىمىدە مەملىكىتىگە قايتىپ كېلىپ قايتىدىن تەختكە ئولتۇرغان. 1047-يى-لى مازوۋىيە (Mazovia، ۋىسۋا دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىنى رايونى) نى قايتىدىن پولشا زېمىنىگە قوشۇۋالغان. 1054-يىلى چېخلار ئىگىلىۋالغان سىلېزىيىنى قايتۇرۇۋالغان. شۇنىڭ بىلەن پولشانى ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. 

كازىمېرزⅢ (بۈيۈك)

  • كازىمېرزⅢ (بۈيۈك)[يەشمىسى:]»(Kazimierz Ⅲ Wielki، 1310 - 1370) پولشا پىياس-ت (Piast) خاندان-لىقىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى(0731 - 3331). تەخ-تتىكى مەزگىلىدە، 1347-يىلى چوڭ ۋە كىچىك پولشاغا باب كېلىدىغان ئىككى نىزام جاكارلىغان؛ مەملىكەت ئىچىدىكى سودا-سانائەتنى قوغداپ، پۇل ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغان؛ شەھەرلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كېڭەيتكەن؛ مۇستەقىل ئالىي سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، پولشا شەھەرلىرىنىڭ گېرمانىيە شەھەرلىرىدىكى سوت مەھكىمىلىرىگە شىكايەتنامە سۇنۇشىنى چەكلىگەن؛ كراكوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرغان (1364). 1343-يىلى تېيوتون رىتسارلار پولكى بىلەن يارىشىپ، كۇياۋى (Kujawy، پولشانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا)نى قايتۇرۇۋالغان؛2531 - 0431-يىللىرى روسىيىگە ئەسكەر تارتىپ بېرىپ گالىتسىيە (Galicia) كىنەزلىكىنى ۋە ۋولىن (Волынь) نىڭ بىر قىسمىنى بېسىۋالغان.

كازىم-ېرزⅣ

  • كازىم-ېرزⅣ[يەشمىسى:]»(Kazimierz Ⅳ, Jagiellonczyk، 1427 - 1492)، پولشا كورۇلى (2941 - 7441). ياگېللونىڭ 2-ئوغلى. 1440-يىلى لىتۋا كىنەزى بولغان. 1444-يىلى ئاكىسى پولشا كورۇلى ۋلادىسلاۋ Ⅲ ۋارنا جېڭىدە ئۆلگەندىن كېيىن پولشا كورۇلىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. تەختتە ئولتۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە، 1454-يىلى تيوتون رىتسارلار پولكى بىلەن يەنە بىر قېتىم تىركىشىپ قېلىپ، پولشا غەلىبە قىلغان. 1466-يىلى تورۇن (Torun، پولشانىڭ شىمالىي قىسمىدا) شەھىرىدە تۈزۈلگەن سۈلھ شەرتنامىسىگە بىنائەن غەربىي پروسىيە پولشاغا بۆلۈپ بېرىلگەن. شەرقىي پروسىيىنى يەنىلا تيوتون رىتسارلار پولكى ئىگىلىگەن، لېكىن پولشانىڭ بۇ رايونغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. 1454-يىلى پولشا ئۇششاق ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ تەھدىتى بىلەن «نېشاۋا نىزامى» نى ئېلان قىلغان. 

كازىمىر-پېرىئېر

  • كازىمىر-پېرىئېر[يەشمىسى:]»(Jean Paul Pierre Casimir - Perier، 7091 - 7481) فرانسىيە 3-جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (5981 - 4981). باي سودىگەر-تۆرە جەمەتىدىن، پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى ۋاقتىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1876-يىلى ئاۋام پاتالاسىغا كىرگەن. مۆتىدىل جۇمھۇرىيەتچى. ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (2981 - 0981) ۋە باشلىقى (1893) بولغان. 1893-يىلى 12-ئايدا زۇڭلى بولۇپ، ئوڭ قاناتتىكىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئانارخىستلارغا قارشى قانۇن چىقارغان. 1894-يىلى 5-ئايدا تەختتىن چۈشكەن. كارنو سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇنىڭ ئورنىغا زۇڭتۇڭ بولغان. سول قاناتتىكىلەرنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن، زۇڭلى دىپىي (Charles Alexandre Dupuy، 1851- 1923) بىلەن ئەپلىشەلمەي 1895-يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن سودا-سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ئاڭزەن كۆمۈر-تۆمۈر شىركىتىنىڭ دىرېكتورى بولغان.

كاسابلانكا ئافرىقا نىزامنامىسى

  • كاسابلانكا ئافرىقا نىزامنامىسى[يەشمىسى:]» قىسقارتىپ «ئافرىقا نىزامنامىسى» دېيىلىدۇ. 1961-يىل 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ماراكەشنىڭ كاسابلانكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئافرىقا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ماقۇللانغان. نىزامنامىدە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا: يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر ئافرىقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەركىنلىكنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي نىيەت بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە بىرلىك-ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؛ خەلقئارا ئىشلاردا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۆز قاراشتىكى بىردەكلىكىنى ۋە ھەرىكەت بىرلىكىنى قوغدايدۇ ھەم مۇستەھكەملەيدۇ، شۇنىڭدەك ھەرقايسى مەملىكەتلەرنىڭ مۇستەقىللىكى، ئىگىلىك ھوقۇقىى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ ھازىرغىچە چەت ئەللەر ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئافرىقا زېمىنىنى ئۇلارغا ياردەم بېرىش يولى بىلەن ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈپ، ھەرخىل شەكىلدىكى مۇستەملىكىچىلىك ۋە يېڭى مۇستەملىكىچىلىك تۈگىتىلىدۇ؛ ئافرىقا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقلىرى كۈچەيتىلىدۇ، دەپ جاكارلانغان. نىزامنامىدە يەنە شارائىت يول قويغان ئەھۋالدا بارلىق ئافرىقا مەملىكەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان ئافرىقا مەسلىھەت پارلامېنتىنى ئىمكان قەدەر تېزلىكتە تەسىس قىلىشنى ھەمدە ئافرىقا سىياسىي كومىتېتى، ئىقتىساد كومىتېتى، مەدەنىيەت كومىتېتى، ئافرىقا بىرلەشمە ئالىي قوماندانلىق شتابى ۋە ئالاقىلىشىش ئىدارىسى قۇرۇشنى قارار قىلغان. «كاسابلانكا يىغىنى (2)» دىن پايدىلىنىلسۇن. 

كاسابلانكا يىغىنى

  • كاسابلانكا يىغىنى[يەشمىسى:]»(1) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 1943-يىل 1-ئاينىڭ 14 — 23-كۈنلىرى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلت بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچىللىنىڭ ماراكەشتىكى كاسابلانكا شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن يىغىنى، يىغىنغا فرانسىيە گېنېراللىرى دې گولل ۋە ژىرولارمو قاتناشقان. يىغىندا ئاساسلىقى فرانسىيىنىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىي تۈزۈمى مەسىلىسى، تۈركىيىنىڭ ئۇرۇشتىكى مەيدانى مەسىلىسى؛ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ كەلگۈسى ئۇرۇش پىلانى ھەمدە ئوق مەركىزى دۆلەتلىرىنى «شەرتسىز تەسلىم بولۇش» قا دەۋەت قىلىش پىلانى (ئېلان قىلىنمىغان) مۇزاكىرە قىلىنغان. شۇنىڭدەك ژىرو ۋە دې گولل باشچىلىقىدىكى فرانسىيە ۋاقىتلىق مەمۇرىي ئورگىنى قۇرۇش قارار قىلىنغان، ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ ئاسىيادىكى ئەمەلىي كۈچ دائىرىسى ئايرىلغان. يىغىندا يەنە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ 1943-يىللىق ئۇرۇش فاڭجېنى بەلگىلەنگەن. (2) ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى، ئالجىرىيە، گۋىنىيە، گانا، مالى، ماراكەشلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە بېلگىيە ۋەكىلىنىڭ 1961-يىل 1-ئاينىڭ 7 - 4-كۈنلىرى كاسابلانكىدا ئۆتكۈزگەن يىغىنى. يىغىندا ئافرىقىدىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، ھەرخىل شەكىلدىكى مۇستەملىكىچىلىكنى يوقىتىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى تەكىتلەنگەن، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرەشلىرى قوللانغان ھەمدە «كاسابلانكا ئافرىقا نىزامنامىسى» ماقۇللانغان. 

كاساتى

  • كاساتى[يەشمىسى:]»(Gabrio Casati، 3781 - 8971) ئىتالىيىنىڭ لومباردىيە لىبېرالىست ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ داھىيسى. گراف. 8481 - 7381-يىللىرى مىلان شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولغان. 1848-يىلى 3-ئايدا مىلاندا بولغان ئاۋسترىيىگە قارشى قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ مەزكۇر شەھەرنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە لومباردىيىنى ساردىنىيە (Sardegna) پادىشاھلىقىغا قوشۇشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشمىغان. كېيىن بىر مەزگىل بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىرى، مائارىپ ۋەزىرى (0681 - 9581) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، 2781 - 5681-يىللىرى ئىتالىيە پادىشاھلىقى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولغان. 

كاسساندروس

  • كاسساندروس[يەشمىسى:]» (Kassandros ياكى Cassander، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 792 - 883). ئانتىپاتېر (Antipater) نىڭ ئوغلى. ئىمپېراتور ئالېكساندر شەرققە يۈرۈش قىلغاندا كاسساندروسنىڭ ئاتىسى ماكېدونىيە نائىبى بولغان. مىلادىدىن 321 يىل ئىلگىرى ئۇ ئۆلۈشتىن ب-ۇرۇن پولسپېركون (Polysperchon)نى ئۆز ئورنىغا نائىب قىلىپ بەلگىلىگەندە، كاسساندروس نارازى بولغان. پتولېمايوس (Ptolemaios)، ئانتىگونوسⅠ (Antigonos Ⅰ) لار بىلەن بىرلىشىپ يۇناندىكى بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، پولسپېركوننى قوغلاپ چىقىرىپ، مىلادىدىن 316 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئالېكساندرنىڭ ئانىسى ئولىمپىياس (Olympias)، خانىكە روكسانا (Roxana) ۋە ئۇنىڭ نارەسىدە ئوغلى ئالېكساندرئايگۇس(Alexander Aegus) لارنى كەينى-كەينىدىن ئۆلتۈرگەن. ئالېكساندرنىڭ ئانا باشقا سىڭلىسى تېسسالونىكا (Thessalonica) غا ئۆيلەنگەن. ئالېكساندر (مىلادىدىن 323 يىل ئىلگىرى ئۆلگەن) نىڭ تەختىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تولېمايوس، سېلېۋكوس (Seleucos)، لىسماكوس (Lysimachos) لار بىلەن بىرلىشىپ، كۈچلۈك ئانتىگونوس Ⅰ غا قارشى تۇرغان. لېكىن باشتا بۇنىڭدىن ھېچبىر نەتىجە چىقمىغان. يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مىلادىدىن 309 يىل ئىلگىرى پولسپېركوننى سېتىۋېلىپ ئالېكساندرنىڭ يەنە بىر نارەسىدە ئوغلى ھېراكلې-س (Heracles)ۋە ئۇنىڭ ئانىسى (ئالېكساندرنىڭ خانىكىسى) بارىسنې (Barsine) لارنى ئۆلتۈرگەن. مىلادىدىن 306 يىل ئىلگىرى ئۆزىنى «ئىمپېراتور» دەپ ئېلان قىلغان. دېمېترىئۇس (Demetrius، ئانتىگونوس Ⅰ نىڭ ئوغلى) بىلەن بولغان يۇناندىكى ئېلىشىشتا يېڭىلگەن. مىلادىدىن 301 يىل ئىلگىرىكى يىلىدىكى ھەل قىلغۇچ خاراكتېرگە ئىگە ئىپسۇس (Ipsus كىچىك ئاسىيا) ئۇرۇشىدا تولىمايوس قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ ئانتىگونوس Ⅰ نى ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈل-كېسىل غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. «يۇنانلاشقان» ئۈچ چوڭ دۆلەت (تولېمايوس مىسرى، سېلېۋكىيە ۋە ماكېدونىيە) نىڭ تىركىشىش ۋەزىيىتى ئاساسەن شەكىللىنىپ، كاساندرو ماكېدونىيە بىلەن يۇناننىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ۋاقتىنچە قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ ئاغرىپ ئۆلگەندىن كېيىن، ئوغلى فېلىپ ۋارىس بولغان. 

كاساۋۇبۇ

  • كاساۋۇبۇ[يەشمىسى:]»(Joseph Kasavubu، 1910 ياكى 9691 - 7191) كونگو جۇمھۇرىيىتى (بۈگۈنكى زايىر جۇمھۇرىيىتى) نىڭ زۇڭتۇڭى (1960- 1965). چېركاۋ مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1940-يىلى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، كېيىن مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىشلىگەن. 1955-يىلى ئاباكو پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1957-يىلى لېئوپولدۋىل شەھىرى دارا رايونىنىڭ باشلىقى بولغان. 1959-يىلى 1-ئايدا لېئوپولدۋىلدا يۈز بەرگەن بېلگىيىگە قارشى قوزغىلاڭدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. 3-ئايدا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن بېلگىيىگە ئېلىپ بېرىلىپ، يوشۇرۇن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. 1960-يىلى 7-ئايدا، كونگو جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا زۇڭتۇڭ قىلىپ سايلانغان. ئۇ فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلغان، 9-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ پىلانلىشى بىلەن لۇمۇمبانى زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. 1964-يىلى چومبېنى زۇڭلى قىلىپ بەلگىلەپ، ۋەتەنپەرۋەر قوراللىق كۈچلەرنى باستۇرغان. 1965-يىلى موبۇتۇ (Sese Seko Mobutu، - 0391) تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ تاشلانغان. 

كاسترو ئالۋېس

  • كاسترو ئالۋېس[يەشمىسى:]»(Antonio de Castro Alves، 1847 - 1965) برازىلىيىلىك رومانتىك شائىر، برازىلىيىنىڭ رېسفې ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە سان پاۋلو قانۇن ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. رومانتىك يازغۇچىلار گۇرۇپپىسى «مۇقەددەس بۈركۈتچىلەر» نىڭ رەھبىرىي ئەزاسى. قۇللۇق تۈزۈمگە كەسكىن قارشى تۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ «قارا قۇل كېمىسى»، «خەلقنىڭ ھاكىمىيەت تۇتۇشى»، «سالام پالمارېس»، «ئەسىرلەر» قاتارلىق شېئىرلىرىدا قۇللۇق تۈزۈمنىڭ جىنايەتلىرىنى سۆكۈپ، ئەركىن دېموكراتىك كېلىچەكنى مەدھىيىلىگەن. ئۇ ھايات چېغىدا پەقەت «لەيلەۋاتقان كۆپۈك» دېگەن بىرلا شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە «پائۇل-ئافونىسونىڭ چۈشكۈنلىشىشى»، «ئافرىقا ساداسى» ۋە «قۇللار» قاتارلىق شېئىرلىرى بار. 

كاستىللا پادىشاھلىقى

  • كاستىللا پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]» ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كاستىللا (Castilla، كاستىلىيە) رايونىدىكى فېئودال پادىشاھلىق. Ⅹ ئەسىردە لېئون پادىشاھلىقىدىكى بىر گرافنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى. 5301 - 6201-يىللىرى ناۋاررا پادىشاھلىقىغا بېقىنغان. 1230-يىلى لېئون پادىشاھلىقىغا قوشۇلغان. كاستىللا ئىسپانىيىنىڭ قولدىن كەتكەن زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئوچىقى بولۇپ، ئەرەبلەردىن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ تولېدو (Toledo، 1085)، كوردوبا (Cordoba، 1236)، سېۋىللا (Sevilla، 1248)، كادىس (Cadiz، 1262) لارنى ياندۇرۇۋېلىپ، ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي چېگرىسىنى ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىغىچە كېڭەيتكەن. 1469-يىلى، كاستىللا پادىشاھلىقىنىڭ تەخت ۋارىسى ئىسابېللا بىلەن ئاراگون شاھزادىسى فېرناندو توي قىلغان. 1479-يىلى ئىككى پادىشاھلىق رەسمىي بىرلىشىپ، ئىسپانىيىنىڭ بىرلىكى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. 

كاستلېرېگ

  • كاستلېرېگ[يەشمىسى:]»(Robert StewartCastlereagh،1769 — 1822) ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (2281 - 2181).تورى پارتىيىسى ئەزاسى. چوڭ پومېشچىك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كېمبېرىخ مۇقەددەس جون ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1081 - 8971-يىللىرى ئىرلاندىيە باش ۋالىيسى بولغان. 1800-يىلدىكى ئىرلاندىيىنىڭ قوشۇلۇش لايىھىسىنى تۈزگۈچىلەرنىڭ بىرى. 6081 - 5081، 1807 — 1809-يىللىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. شۇ يىللاردا دانىيىگە تاجاۋۇز قىلىشنى ئۇيۇشتۇرغان. تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ تۇرغان چاغلاردا ئاكتىپلىق بىلەن فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە ۋېنا يىغىنىدا مۇھىم رول ئوينىغان؛ ئاۋسترىيە، فرانسىيىلەر بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزۈپ، روسىيە بىلەن پرۇسسىيىنى چەكلىگەن، مېتېرنىچ (Metternich، 9581 - 3771) نىڭ ياۋروپا مەملىكەتلىرىدە ئەنئەنىۋى پادىشاھلىق ھۆكۈمەتلەرنى ساقلاپ قېلىش سىياسىتىنى قوللىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇقەددەس ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن زىددىيىتىمۇ بولغان. بەزى جەھەتلەردە ئەنگلىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالاھىدە سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن.

كاستې

  • كاستې[يەشمىسى:]»(Caste) مەنىسى «تۇغۇلۇش»، «ئۇرۇق»، «مەنسۇپلۇق» ياكى «ياشىماق». ⅩⅥ ئەسىردە پورتۇگالىيىلىكلەر ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ھىندىستاندىكى «جاتى»(Jati) ئاتالغۇسىنى، خاتا ھالدا «كاستا» (Casta) دەپ ئاتىغان. «كاستا» سۆزى ئىنگلىزچىگە «كاستې» (Caste) دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ھازىر بۇ سۆز دۇنيادىكى ھەرقايسى مەملىكەتلەردە مۇشۇنداق ئىشلىتىلمەكتە. «تائىپە تۈزۈمى» گە قارالسۇن.

كاسساندرا

  • كاسساندرا[يەشمىسى:]» (Cassandra ياكى Kassandra)قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە ترويان مەلىكىسى. پادىشاھ پرىئام (Priam) بىلەن ھېكابا (Hecaba) نىڭ قىزى. ناھايىتى چىرايلىق بولغانلىقتىن قۇياش خۇداسى ئاپوللون ئاشىق بولۇپ قالغان ۋە ئۇنىڭغا ھوكومالىق ماھارىتىنى ئۆگەتكەن. ئۇ بۇ ماھارەتنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن ئاپوللوننىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىغان بولۇۋالغان. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ئاپوللون ئۇنى قارغاپ، ئۇنىڭ بېشارەتلىرىگە ھېچكىم ئىشەنمەيدىغان قىلىۋەتكەن. كاسساندرا شاھزادە پارسنىڭ ترويالىقلارنى ھالاك قىلىدىغانلىقى، يۇنانلارنىڭ ياغاچ ئات («ياغاچ ئات ھىيلىسى») بىلەن ترويا شەھىرىنى گۇمران قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەت بەرگەن. لېكىن بۇنىڭغا ھېچكىم ئىشەنمىگەن (كېيىن راست بولۇپ چىققان). ترويا شەھىرى يۇنان بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئۇرۇش غەنىمىتى سۈپىتىدە قوماندان ئاگامېمنونغا تەقسىم قىلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن يۇنانغا قايتقان. ئۇ مىكېناي (Mycenae) ئوردىسى پاجىئەسى ۋە ئۆزىنىڭمۇ تەقدىرى توغرىسىدا بېشارەت بەرگەن، لېكىن ھېچكىم ئىشەنمىگەن. دېگەندەك ئاگامېمنون ۋە ئۇنىڭ ئوغلى كلىتېيمنېسترا(Clytaemnestra ئاگامېمنوننىڭ خوتۇنى) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئېيتىلىشىچە، كاسساندرا ئاگامېمنوننىڭ ئوغلى ئورېستېس (Orestes) نىڭ ئاتىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالىدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ بېشارەت بەرگەنىكەن.

كاسسىئودورۇس

  • كاسسىئودورۇس[يەشمىسى:]»(Cassiodorus، تەخمىنەن 480 — 575) شەرقىي گوت پادىشاھلىقى سىياسىئونى، تارىخشۇناس. رىمدىكى داڭلىق ئائىلىدە تۇغۇلغان. شەرقىي گوت پادىشاھلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى تېئودورىك ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئىشىغا نەچچە ئون يىل قاتناشقان. مىلادى 538-يىلى ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي تۇمشۇقىدىكى بىر موناستىرغا بېرىپ موناخ بولغان. ئۇ 12 توملۇق «گوتلار تارىخى» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى. ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ ئەسەر يوقالغان بولۇپ، پەقەت ئىئوردان ئىشلىگەن قىسقارتما نۇسخىدىنلا ئۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يەنە «خەت-ئالاقىلەر توپلىمى» دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ سىياسىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان دەۋرلەردە يازغان مەكتۇپلىرى ۋە ھۆكۈمەت ھۈججەتلىرىنىڭ توپلىمىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئىلاھىيەتشۇناسلىق، پەلسەپە ساھەلىرىدىمۇ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى بار.

كاسسېل

  • كاسسېل[يەشمىسى:]»(Karl Gustav Cassel، 1866 — 1945) شۋېتسىيىلىك ئىقتىسادشۇناس. شۋېتسىيە ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىي ئېقىمىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى. گېرمانىيە، ئەنگلىيىلەردە ئوقۇغان، 1904 — 1933-يىللىرى سىتوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. شۋېتسىيىگە ۋەكالىتەن كۆپ خىل خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتناشقان. پۇل تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بەرگەن، لېكىن سېتىۋېلىش كۈچى تەڭپۇڭلۇقى تەلىماتى بىلەن ئادەتتىكى مۇۋازىنەتلىك نەزەرىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، قىممەتنىڭ ھېچقانداق رولى يوق، بەلكى باھانى مەركەز قىلىش كېرەك، دەپ قارىغان. پىلانلىق ئىگىلىك ۋە تاموژنا قورغىنىغا قارشى تۇرۇپ، ئىقتىساد ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئىجتىمائىي ئىقتىسادشۇناسلىق نەزەرىيىسى»، «دۇنيا پۇل مەسىلىسى»، «ئالتۇن پۇل بىرلىكىنىڭ يىمىرىلىشى»، «تەرجىمىھالىم» قاتارلىقلار بار.

كاسسىتلار

  • كاسسىتلار[يەشمىسى:]» (Gassean ياكى Kassites) قەدىمكى مېسوپوتامىيەنىڭ شەرقىي تاغلىق (زاگروس تېغى) رايونىدىكى قەبىلە. كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان. تېرىقچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ھىندى-ياۋروپا مىللەتلىرىدىن مەيدانغا كەلگەن بولسا كېرەك. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى-كى ⅩⅧ ئەسىرن-ىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىككى دەريا ۋادىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقى بىلەن ئۇزاققىچە ئۇرۇش قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅥ ئەسىردە قەدىمكى بابىلون ھىتتلار (Hittites) تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن، بابىلوننى ئىشغال قىلىپ، تەخمىنەن مىلادىدىن 1540 يىل ئىلگىرى كاسسىت خاندانلىقىنى قۇرغان (بەزىدە «بابىلون ئۈچىنچى خاندانلىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ). پادىشاھ بۇرنا بۇرىئاش Ⅱ (BurnaburiashⅡ) تەختتىكى مەزگىلدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى) دۆلەت راسا گۈللىنىپ، زېمىنى ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇب قىسمى ۋە زاگروس تېغى ئەتراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاسسۇرىيىلار، ئېلاملار (Элам) نىڭ زەربىسى بىلەن، ئاجىزلىشىشقا قاراپ مېڭىپ، تەخمىنەن مىلادىدىن 1150 يىل ئىلگىرى ھالاك بولغان. كاسسىتلار ئىككى دەريا ۋادىسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە بارا -بارا سۇمېر ۋە بابىلون مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى قوبۇل قىلغان. مىخ يېزىق سېغىز بەتلەردە كاسسىت تىلىدىكى ئازغىنا خەت ۋە بەزى مەخسۇس ئىسىم (ئىلاھ ئىسىملىرى) لار ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇلار سېمىت تىلىغا مەنسۇپ بولماستىن، ئومۇمەن، ئېلام تىلىغا كىرگۈزۈلگەن.

كاسكىلىق پولك

  • كاسكىلىق پولك[يەشمىسى:]»گېرمانىيىدىكى ئەكسىيەتچىل مىللەتچى يېرىم ھەربىي تەشكىلات. 1918-يىلى 11-ئايدا مىلىتارىستلار پىدائىيلار پولكى شەكلىدە قۇرغان. ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەكسىيەتچىل ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەر، شوۋىنىزملىق ئىدىيىسىدىكى بۇرژۇئازىيە ياشلىرىدىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلات گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاپ، ئىشچىلار ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا پائال قاتناشقان. 1931-يىلى ناتسىستلار پارتىيىسى ۋە باشقا ئەكسىيەتچى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ «خالىسبۇرگ فرونتى» نى قۇرغان. 1933-يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن شتورمچىلار ئەترىتىگە قوشۇلۇپ كەتكەن.

كاسمىرا

  • كاسمىرا[يەشمىسى:]»(Kasmira) قەدىمكى دۆلەتنىڭ نامى. ھازىرقى كەشمىر ئەتراپلىرىغا توغرا كېلىدۇ. كاسمىرانىڭ ئاھالىسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. مېتال ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى ياساشقا ئۇستا. ھىندىستاننىڭ ماۋوريا ئىمپېرىيىسى ۋە كېيىنكى كوشان پادىشاھلىقى دەۋرىدە بۇ ئىككى ئىمپېرىيىنىڭ زېمىنىغا قوشۇلۇپ كەتكەن. كوشان پادىشاھى كانىشكا تەختىگە چىققاندا (مىلادى Ⅱئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى) بۇ جايدا تۆتىنچى قېتىملىق بۇددا يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇددا دىنى ماھايانا مەزھىپىنىڭ پەيدا بولغان جايى. خەن سۇلالىسىدىن كېيىن كۆپلىگەن راھىبلار جۇڭگوغا كېلىپ دىن تارقاتقان ۋە بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلغان. مىلادى Ⅶئەسىردە دۇرلابخاۋاردخان(Durlabhabvardhan) كالكوتتا سۇلالىسىنى قۇرغان. شۈەنزاڭ «ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى» دە: كاسمىرا دۆلىتىنىڭ زابولىستان دەپ ئاتىلىشى خاتا. شىمالى ھىندىستان تەۋەسىدە، ئايلانمىسى يەتتە مىڭ چاقىرىمدىن ئوشۇق كېلىدۇ، دەپ يازغان. لالىتادىتىيە ماكتاپىدا(Lalitaditya Maktapida)تەختتىكى مەزگىللىرى (تەخمىنەن 724 — 760) شىمالى ھىندىستاندىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان، جۇڭگوغا (پادىشاھ تاڭ شۈەنزۇڭ زامانىسىدا) ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن. تەخمىنەن مىلادى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى كالكوتتا سۇلالىسىنىڭ ئورنىنى ئوتىبورو سۇلالىسى ئىگىلىگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كاسمىرا زاۋاللىققا يۈز تۇتقان، لېكىن ⅩⅣ ئەسىرگىچە مۇستەقىللىكنى ساقلاپ قالغان.

كاسى

  • كاسى[يەشمىسى:]»(Kasi)ھىندىستاندىكى قەدىمكى دۆلەت. گانگ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىغا جايلاشقان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرۇلغان، پايتەختى ۋاراناسى. بىر مەھەل روناق تاپقان، كېيىن ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە غەربتىكى قوشنىسى كوسالا بىلەن دۈشمەنلىشىپ قالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرگە كەلگەندە كوسالا تەرىپىدىن يوقىتىلغان.

كاسسىئۇ

  • كاسسىئۇ[يەشمىسى:]»(Gaius Cassius Longinus، مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 42) قەدىمكى رىم سەركەردىسى ، كائېسارنى ئۆلتۈرۈشنى پلانلىغۇچىلارنىڭ بىرى. ياش ۋاقتىدا كراسۇس (Marcus Licinius Crassus) قا ئەگىشىپ پارفىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. كراسسۇس (مىلادىدىن 53 يىل ئىلگىرى) ئۆلگەندىن كېيىن، قالدۇق قىسىملارنى توپلاپ (فرات دەرياسى بويلىرىدا) پارپىيە قوشۇنلىرىنى يەڭگەن. رىمغا قايتقاندىن كېيىن مىلادىدىن 49 يىل ئىلگىرى تىرىبون بولغان. «ئىچكى ئۇرۇش» تا پومپېيئۇس (Pompeius) قا ئەگىشىپ، فارسالۇس (Pharsalus) ئۇرۇشىدا (مىلادىدىن 48 يىل ئىلگىرى) دېڭىز فلوتىغا قوماندانلىق قىلغان، يېڭىلگەندىن كېيىن ھېللېسپونىتوسقا قېچىپ كەتكەن، قەيسەرنىڭ كەچۈرۈم قىلىشى بىلەن باش سودىيە ۋە سۈرىيىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. مىلادىدىن 44 يىل ئىلگىرى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، برۇتۇس قاتارلىقلار بىلەن سۇيىقەست پىلانلاپ سېزارنى ئۆلتۈرۈپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان. سۈرىيىنىڭ ھەممە يېرىگە بېرىپ تالان-تاراج قىلىپ، بايلىق توپلاپ، كۈچ ئۇيۇشتۇرغان. مىلادىدىن 42 يىل ئىلگىرى فىلىپپى ئۇرۇشىدا ئۇ يېتەكلىگەن قوشۇن ئانتونىئۇس تەرىپىدىن يېڭىلگەندىن كېيىن (برۇتۇس يېتەكلىگەن يەنە بىر قوشۇن ئوكتاۋىئان بىلەن تىركىشىپ قالغان)، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

كاسياپا

  • كاسياپا[يەشمىسى:]»(Kasyapa، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىر) يەنى ئۇلۇغ كاسياپا ماخاكاسياپا (Mahakasyapa) بۇددا دىنىنىڭ ئىجادچىسى ساكيامونىنىڭ ئون چوڭ شاگىرتى ئىچىدىكى باش شاگىرت. ماگادخادىكى بىر بىراخمان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ساكيامونى ئۆلگەندىن كېيىن راجاگرىخادا بىرىنچى قېتىملىق بۇددا دىنى يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن، بۇنىڭغا بەش يۈز بىكشۇ قاتناشقان. «سۇتراپىتاكا» ۋە «ۋىناياپىتاكا» نوملىرىنى تۈزگەن.

ك-اسياپا ماتانگا

  • ك-اسياپا ماتانگا[يەشمىسى:]» (Kasyapamatanga مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰئەسىر) ھىندى راھىبى. ماھايانا ۋە ھىنايانا نوملىرىنى يېشىپ بېرەلىگەن. شەرقىي خەن سۇلالىسى پادىشاھى مىڭ دىنىڭ يوڭپىڭ 10-يىلى (مىلادى 67-يىلى) جوفالەن بىلەن بىرلىكتە ئاق ئاتقا بۇددا نوملىرى ۋە بۇتلارنى ئارتىپ جۇڭگونىڭ لوياڭ شەھىرىگە كەلگەن. ئىككىنچى يىلى پادىشاھ مىڭدى ئاق ئات ئىبادەتخانىسىنى سالغۇزغان ۋە ئىككى راھىبقا بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلغۇزغان. مانا بۇ جۇڭگوغا بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىشىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

كافېرو

  • كافېرو[يەشمىسى:]»(1846 — 1892، Carlo Cafiero) ئىتالىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەربابى. ئاتاقلىق ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. قانۇن ئۆگەنگەن.ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ياۋروپادا ساياھەتتە بولۇپ، پارىژدا بۇرژۇئا ئىنقىلابىي دېموكراتلىرى تەشكىلاتى بىلەن ئۇچراشقان. 1870-يىلى لوندوندا ماركس ۋە ئېنگېلس بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنىڭ تەسىرىدە 1-ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقان. كېيىنكى يىلى 5-ئايدا ئىتالىيىگە قايتىپ كېلىپ، ئىنتېرناتسىئونالنىڭ نېئاپول ياچېيكىسىنى باشقىدىن قۇرغان ھەمدە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ لۇشيەنىگە ئەمەل قىلغان. 1872-يىلنىڭ بېشىدا ئانارخىست بولۇپ باكۇنىن بىلەن ئالاقە ئورناتقان ھەمدە ئىتالىيە ھۆكۈمەتسىزلىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. 1874-ۋە 1877-يىللىرى ئىككى قېتىم ھۆكۈمەتسىزچىلەرنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭىنى ئۇيۇشتۇرغان. 70-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ھۆكۈمەتسىزلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدىن ئاستائاستا قۇتۇلغان. ئۇنىڭ 1879-يىلى ئې-لان قىلغان «<كاپىتال> نىڭ بىرىنچى تومىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش» دېگەن ئەسىرى ماركس تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. 1882-يىلى قولغا ئېلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن كېسەللىك تۈپەيلىدىن سىياسىي ساھەدىن چېكىنگەن.

كاكوباۋ

  • كاكوباۋ[يەشمىسى:]»(Cakobau) فىجى پادىشاھى (1850 — 1875)، دەسلەپتە ۋىتى ئارىلىدىكى باۋ (Bau)دېگەن يەرنىڭ ئاقساقىلى بولغان. تەختتە ئولتۇرغان چاغدا ھاكىمىيىتى مۇستەھكەم بولمىغاچقا، بەزى ئاقساقاللارنىڭ، بولۇپمۇ تونگادىكى مائافۇ(Maafu) نىڭ رىقابىتىگە دۇچ كەلگەن، ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ قىينالغان. 1874-يىلى ئەنگلىيە بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرى فىجىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىينى بىرمەزگىل تىزگىنلەپ تۇرغان.

كاگۇلې ئونسۇرلىرى

  • كاگۇلې ئونسۇرلىرى[يەشمىسى:]»يەنە نىقابلىق مۇرىتلار دەپمۇ ئاتالغان. فرانسىيىدىكى فاشىستىك تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى. فرانسۇزچە كاگولې (Cagoule) دەپ ئاتىلىدىغان، پەقەت ئىككى كۆزىلا كۆرۈنىدىغان بىرخىل قالپاقنى كىيىۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1936-يىلى خەلق فرونتى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، فاشىستىك تەشكىلاتلارنى تارقىتىۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن مەخپىي قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي رەھبەرلىرى مارشال دېسفېر، گراف تىپورگ قاتارلىق ئىنتايىن ئوڭچى ئۇنسۇرلار ئىدى. ئۇلار فرانسىيىدە فاشىستىك دىكتاتۇرا ئورنىتىشقا ئۇرۇنۇپ، تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. بۇ تەشكىلات 1937-يىلى پاش قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق جازاغا تارتىلمىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە ئىشغالىيەتچى قوشۇننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇنىڭ ئاساسىي ئەزالىرى قولغا ئېلىنىپ جازالانغان.

كاڭخا ئارىلى ۋەقەسى

  • كاڭخا ئارىلى ۋەقەسى[يەشمىسى:]»ياپونىيە ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ چاۋشيەننىڭ كاڭخا ئارىلىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى. 1875-يىلى 4-ئايدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن «كۇموئاگې» قاتارلىق ئۈچ ھەربىي پاراخوتنى چاۋشيەنگە ئەۋەتىپ ھەيۋە قىلغان. 5-ئايدا ۋونسان پورتىغا كېلىپ توختىغان ھەمدە قوراللىق مانىۋېر ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي دېڭىز قىرغاقلىرىنى بويلاپ، قوراللىق رازۋېتكا ئېلىپ بېرىپ ياپونىيىگە قايتقان، 9-ئايدا «يونياڭ» پاراخوتى يەنە كاڭخا قولتۇقىغا ئۈسۈپ كىرىپ، ئىغۋاگەرچىلىك قىلغان ھەمدە كاڭخا ئارىلىدىكى ساۋجى بازىرى پوتەيلىرىنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، چاۋشيەن مۇداپىئە ئارمىيىسى تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلگەن. «كۇموئاگې» ھەربىي پاراخوتى يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىپ، يوڭزوڭ ئارىلى پوتىيىنى توپقا تۇتقان ھەمدە بۇ ئارالدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ئوت قويۇپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلغاندىن كېيىن ئالدىراپ-تېنەپ قېچىپ كەتكەن. 10 — 11-ئايلاردا ياپونىيە ھەربىي پاراخوتلىرى يەنە داۋاملىق تۈردە ۋۇنسانغا ھۇجۇم قىلغان. 1876-يىلى 1-ئايدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچى سۇمتاكىيوتاكا، مۇئاۋىن ئەلچى ئىكامى كائورو باشچىلىقىدىكى ھەربىي فلوتنى ئەۋەتىپ، چاۋشيەنگە بېسىپ كىرىپ، 2-ئاينىڭ 26-كۈنى قورال كۈچى بىلەن چاۋشيەن ھۆكۈمىتىنى تۇنجى تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامە «كاڭخا شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلىغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن چەت ئەل تاجاۋۇزچى كۈچلىرى چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە باشلىغان.

كاڭخا شەرتنامىسى

  • كاڭخا شەرتنامىسى[يەشمىسى:]»ئەسلى ئاتىلىشى «ياپونىيە-چاۋشيەن دوستانە ئۆتۈش نىزامى». ياپونىيىنىڭ چاۋشيەنگە مەجبۇرىي تاڭغان تۇنجى تەڭسىز شەرتنامىسى. 1876-يىل 2-ئاينىڭ 26-كۈنى كاڭخا ئارىلىدا ئىمزالانغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. شەرتنامە بويىچە: چاۋشيەن ياپونىيىگە پوساندىن باشقا يەنە ۋونسان، ئېنچۈەندىن ئىبارەت ئىككى پورتنى ئىچىپ بېرىشنى: ياپونىيە سېئول شەھىرىدە ئەلچىخانا قۇرۇپ، ھەرقايسى پورتلارغا كونسۇل ئەۋەتىشنى، ياپونلارچاۋشيەن زېمىنىدا كونسۇل ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشنى بەلگىلىگەن. بۇ شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن چاۋشيەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن چاۋشيەن مۇنقەرز بولۇپ ياپونىيىنىڭ يېرىم مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىشقا قاراپ ماڭغان. «كاڭخا ئارىلى ۋەقەسى» گە قارالسۇن.

كالاتراۋا رىتسارلار پولكى

  • كالاتراۋا رىتسارلار پولكى[يەشمىسى:]» ئىسپانىيىدىكى دىنىي-فېئودال ھەربىي تەشكىلات. 1158-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەرەبلەردىن تارتىۋېلىنغان كالاتراۋا (Calatrava) قورغىنىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 1164-يىلى پاپا ئالېكساندر Ⅲ تەرىپىدىن تەستىقلانغان. ئىسپانىيىنىڭ قولدىن كەتكەن زېمىنلارنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان. كەڭ زېمىن، خىلمۇخىل ئىمتىيازلارغا، ھەتتا تەخت ۋارىسلىقى مەسىلىسىگىمۇ ئارىلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. ⅩⅤ — ⅩⅣ ئەسىرلەردە ئۇنىڭ يۇقىرى قاتلىمى رىتسارلار پولكىنىڭ باشلىقلىقىنى تالىشىپ، قايتا-قايتا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. 1489-يىلى پاپا ئىننوكېنتىئۇس Ⅷ (InnocentiusⅧ) نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئىسپانىيە كورۇلى فېردىناند Ⅱ رىتسارلار پولكى باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. 1873-يىلى تارقىتىۋېتىلگەن.

كالاي

  • كالاي[يەشمىسى:]» (Calais)فرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز پورتى شەھىرى بولۇپ، دوۋېر بوغۇزىغا ياندىشىپ تۇرىدۇ. 1180-يىلى ئاپتونومىيە بولغان. ئەنگلىيە-فرانسىيە 100 يىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە پادىشاھى ئېدۋارد Ⅲ 1347-يىلى بۇ يەرنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان. 1558-يىلى قايتىدىن فرانسىيىگە تەۋە بولغان. خۇگۇينوت ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 1596 — 1598-يىللىرى بىر مەزگىل ئىسپانىيە ئىشغال قىلىۋالغان.

كالپا ئەھدىنامىسى

  • كالپا ئەھدىنامىسى[يەشمىسى:]» بالقاندىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ يېڭى چېگرىلىرىنى بېكىتىش ۋە بېرلىن يىغىنىنىڭ باشقا قارارلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئەھدىنامە. بۇ ئەھدىنامىنى بېرلىن يىغىنىدا تەسىس قىلىنغان مەخسۇس ھەيئەت 1878-يىلى 10-ئايدا كرىت ئارىلىنىڭ مەركىزىي كاندىيە (Candia)نىڭ شەرقىدىكى كالپا دېگەن يەردە ئىمزالىغان. ئەھدىنامىدە: كرىت ئارىلىدا 1868-يىلىدىكى مەمۇرىي تەشكىلىي نىزام يولغا قويۇلۇپ، پارلامېنتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ، شتات باشلىقلىقىنى گرېكلار ئۆتەيدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ كرىت ئارىلى ئاپتونومىيىلىك ئورۇنغا ئىگە بولغان.

كالتەك ئۇرۇشى

  • كالتەك ئۇرۇشى[يەشمىسى:]»ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا فىنلاندىيىدە كۆتۈرۈلگەن بىر قېتىملىق خەلق قوزغىلىڭى. فىنلاندىيىنىڭ پودانمائا (Pohjanmaa) قاتارلىق جايلىرىدىكى دېھقانلار باش ۋالىي كلائۇس فلېمىڭ (Klaus Fleming) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، ھەددىدىن ئوشۇق قوشۇن سېلىقى ۋە ئېغىر ئالۋان-ياساقلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، 1596-يىلى 12-ئايدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ ئادەتتە «كالتەك ئۇرۇشى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ رەھبەرلىرى ئىلكا (Jaakko Ilkka)، كونتساس (Yrjo Kontsas)، پۇتتۇ (Penttl Pouttu)، كرانكا (Hannu Krankka) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. قوزغىلاڭ كورۇلنىڭ رەقىبى گېرتسوگ كارلې (Herttua Kaarle) نىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىگە ئېرىشكەن. 1597-يىلى 2-ئايدا كورۇلنىڭ قوللىغۇچىسى فلېمىڭ تەرىپىدىن باستۇرۇلغان، تەخمىنەن 3000 دېھقان ئۆلتۈرۈلگەن.

كالدېلار

  • كالدېلار[يەشمىسى:]» (Chaldeans) سېمىتلارنىڭ بىر تارمىقى. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى دەۋرنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرى مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىغا تارقالغان بولۇپ بىرقانچە شەھەر دۆلەتلىرىنى قۇرغان شۇڭا بۇ يەر كالدېيە (Chaldaea) دەپ ئاتىلىپ قالغان. مىلادىدىن 626 يىل ئىلگىرى، كالدېلارنىڭ سەركەردىسى نابوپولاسسا ئاسسۇرىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، بابىلون شەھىرىنى مەركەز قىلغان يېڭى بابىلون پادىشاھلىقىنى (كالدىيە پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قۇرغان. مىلادىدىن 612 يىل ئىلگىرى، مېدىيە بىلەن بىرلىشىپ ئاسسۇرىيىنىڭ پايتەختى نىنېۋېنى ئىشغال قىلغان، مىلادىدىن 605 يىل ئىلگىرى، ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنى يوقاتقان؛ مېسوپوتامىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى شۇنىڭدەك سۈرىيە، پەلەستىن ئەتراپلىرىنى ئىگىلىۋالغان. نېبۇچادنېزار Ⅱ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى كۆپ قېتىم تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، مىسىر بىلەن سۈرىيىدىكى تەسىر دائىرىسىنى تالاشقان. مىلادىدىن 583 يىل ئىلگىرى، پېرسىيە پادىشاھى كۇروس تەرىپىدىن يوقىتىلغان. كالدېلارنىڭ مەدەنىيىتى قەدىمكى بابىلوندىن بۇيانقى ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاسترونومىيە جەھەتتە يېڭى تۆھپە قوشقان. «بابىلون پادىشاھلىقى » غا قارالسۇن.

كالكىس

  • كالكىس[يەشمىسى:]»(Chalcis) قەدىمكى يۇناندىكى شەھەر. ئېۋبېيە ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىي دېڭىز ياقىسىدا بولۇپ، بېئوتىيە (Beotia، ئوتتۇرا يۇنانىستان) بىلەن دېڭىز ئايرىپ تۇرىدۇ. يۇناننىڭ قەدىمكى شەھەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاتتىكا (Attica) يېرىم ئارىلى (ئافىنا) دىن كەلگەن ئىئونىيىلىكلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅶ ئەسىر ئەتراپلىرىدا «پادىشاھ ئىدارە قىلىش» تۈزۈمىنى يولغا قويغان. كېيىن باي ھىپپوبۇتې (Hippobotae) جەمەتى ئولىگارخىيىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزگەن. بۇ شەھەرنىڭ ئىگىلىكى راۋاجلانغانلىقتىن كالكىسلىقلار چەت ئەلدە مۇستەملىكىلەرنى كېڭەيتكەن. بۇ مۇستەملىكىلەر ئاساسلىقى ئېگېي دېڭىزىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى سترىمونىكۇس (Strmonicus) قولتۇقى بىلەن تېرمايكۇس (Thermaicus) قولتۇقى ئارىلىقىدىكى جايلاردا ھەمدە ماكېدونىيىگە چېگرىلىشىدىغان چوڭ يېرىم ئارالدا بولۇپ، بۇ يەردە بىرنەچچە شەھەرلەرنى قۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ يېرىم ئارال كالكىدىكى (Chalcidice) دەپ ئاتالغان. يەنە ئىتالىيىدە مۇستەملىكە شەھەر كۈمى (Cumae) نى، سىتسىلىيە ئارىلىدا ناكسوس ( Naxox) نى قۇرغان. كاللىكىس شەھىرىنىڭ ستراتېگىيىلىك ئورنى مۇھىم (ئىۋبېيە بوغۇزىنى توسۇپ تۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن) بولغانلىقتىن، بۇ ئارالدىكى يەنە بىر چوڭ شەھەر ئېرېترىيە (Eretria) بىلەن ئېۋبېينى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى ئۇزۇنغىچە تالاشقان، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ماكېدونىيىگە قارام بولۇپ قالغان. كېيىن رىم ئىمپېرىيىسىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. كالكىس شەھىرى ناتىق ئىسايۇس (Isaeus) بىلەن شائىر لىكوفرون (Lycophron) لارنىڭ يۇرتى. ئارىستوتېلمۇ شۇ يەردە ۋاپات بولغان.

كالكىنىس

  • كالكىنىس[يەشمىسى:]»(Mary Whiton Calkins، 1863 — 1930) ئامېرىكىلىق ئىدېئالىستىك پەيلاسوپ، پېرسونالىست. كونېستىكۇس شتاتىدا تۇغۇلغان. 1885-يىلى شېمىس شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. ئىككىنچى يىلى گېرمانىيىگە كېلىپ لېيپسىگ داشۆسىدە ئوقۇغان. 1888-يىلى باكالاۋرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1890 — 1930-يىللىرى ۋېلىس شۆيۈەنىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. رويېسنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئوبيېكتىپ ئىدېئالىزمنى تەشەببۇس قىلغان، كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە «كىشىلىك قەدىر-قىممەت ھەممىدىن ئەلا پسىخولوگىيىسى» نىڭ ھىمايىچىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇ «كىشىلىك قەدىر-قىممەت» نى ئالەمدىكى بىردىنبىر چىنلىق دەپ قاراپ، ماددىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان، شۇنىڭدەك «كىشىلىك قەدىر-قىممەت» چەكلىك ئۆز شۇنداقلا چەكسىز ئۆز ياكى «مۇتلەق ئاڭ» دەپ ھېسابلىغان. ئۆزىنىڭ پەلسەپىسىنى «مۇتلەق پېرسونالىزم» دەپ ئاتىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «پەلسەپىدىكى مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان مەسىلە»قاتارلىقلار بار.

كاللىئاس سۈلھ شەرتنامىسى

  • كاللىئاس سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:]» گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرغان سۈلھ شەرتنامە. مىلادىدىن 449 يىل ئىلگىرى پېرسىيىنىڭ پايتەختى سۇسا (شۇش) شەھىرىدە تۈزۈلگەن. يۇنانىستان ۋەكىلى كاللىئاس (Kallias، ئافىنالىق) نىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: پېرسىيە ئېگېي دېڭىزى بىلەن ھېللېسىپونتوس (داردانېل بوغۇزى) رايونىغا بولغان تىزگىنلەش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدۇ؛ پېرسىيە كىچىك ئاسىيادىكى يۇنان شەھەر دۆلەتلىرنىڭ مۇستەقىل ئورنىنى ئېتىراپ قىلىدۇ؛ يۇنان كىچىك ئاسىيانىڭ (يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ شەرقىي) باشقا قىسىملىرى ھەمدە مىسىر، سىپرۇس قاتارلىق يەرلەرنىڭ پېرسىيىنىڭ تەسىر دائىرىسىدە بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

كاللىماكوس

  • كاللىماكوس[يەشمىسى:]» (Kallimachos ياكى Callimachos، تەخمىنىەن مىلادىدىن ئىلگىرى 305 — 240) قەدىمكى يۇنان ئالىمى ۋە شائىرى. شىمالىي ئافرىقىدىكى كىرېنې (Kyrene) دە تۇغۇلغان، ئۇزۇن مەزگىل ئىسكەندىرىيىدە ئولتۇراقلاشقان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 260 يىل ئىلگىرىدىن تارتىپ ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنى باشقۇرغان. شۇ چاغدىكى كۇتۇپخانىدا ساقلانغان بارلىق كىتابلارنى پاپروس ئوراملىرىنىڭ يىل تەرتىپى بويىچە رەتلەپ «كاتالوگ» تۈزۈپ چىقىپ، كېيىنكىلەرنىڭ يۇنان ئاسارئەتىقىلىرىنى تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن ئاساس ئورناتقان (بۇ «كاتالوگ» كېيىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن). ئۇ يەنە ئىسكەندىرىيىدە گرامماتىكا مەكتىپىنى ئاچقان. ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئېراتسفېنېس، ۋىزانتىيىلىك ئارىستوفانېس، رودوس ئارىلىلىق ئاپوللونىئۇس ( Apollonius Rhodius) قاتارلىقلار بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا كاللىماكوس نەسىر، شېئىر بولۇپ 800 پارچە ئەسەر يازغان. ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغانلىرىدىن ئىئونىيە (Ionia) ۋە دورىيە (Doria) دىئالېكتىلىرىدا يېزىلغان ئاز بىرقىسىم قاپىيىلىك شېئىرلىرى ھەمدە ئېپگراممىلار ۋە ئۈزۈك پارچىلار بار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى رىم شائىرلىرىغا (مەسىلەن، ئوۋىدقا) بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.

كالمار ئىتتىپاقى

  • كالمار ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]» دانىيە، شۋېتسىيە، نورۋېگىيىلەرنىڭ دانىيە كورۇلىنى ئورتاق كورۇل قىلىپ بېكىتكەن ئىتتىپاقى. 1387-يىلى نورۋېگىيە كورۇلى ئولا Ⅴ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئانىسى، دانىيە كورۇلىۋاسى مارگارې-ت-ا (Margarete، 1353 — 1412) نورۋېگىيە كورۇللۇقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. 1389-يىلى يەنە شۋېتسىيىنىمۇ قوشۇمچە باشقۇرغان. 1397-يىلى، بۇ ئۈچ دۆلەت شۋېتسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى كالمار(Kalmar) شەھىرىدە رەسمىي ئىتتىپاق تۈزگەن. ئىتتىپاق: ئۈچ دۆلەت مارگارېتانىڭ سىڭلىسىنىڭ قىز نەۋرىسى ئىرىك (Eric، 1382 — 1454) نى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئورتاق كورۇل قىلىپ سايلاش؛ تاشقى ئىشلار، دۆلەت مۇداپىئەسىدە ئۇنىڭ قوماندانلىقىنى قوبۇل قىلىش؛ ئىچكى ئىشلار جەھەتتە ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ساقلاپ قېلىش دەپ بەلگىلىگەن. كېيىن دانىيىنىڭ شۋېتسىيە، نورۋېگىيىلەرگە قىلغان دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيىسى ۋە زۇلمى خەلقنىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1523-يىلى، دانىيىنىڭ تەسىر كۈچى شۋېتسىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. گۇستاپ ۋاسا شۋېتسىيىنىڭ ئىتتىپاقتىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. دانىيە بىلەن نورۋېگىيىنىڭ ئىتتىپاقى 1814-يىلىغىچە داۋاملاشقان.

كالھۇن

  • كالھۇن[يەشمىسى:]» (John Caldwell Calhoun، 1782 — 1850( ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى (1825 — 1832). جەنۇبىي كارولىنا شتاتى پارلامېنت ئەزاسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1804-يىلى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئادۋوكات بولغان. 1808-يىلى جەنۇبىي كارولىنا شتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1811 — 1817-يىللىرى ئىتتىپاق پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى دىپلوماتىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1817 — 1825-يىللىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. 1825-يىلىدىن تارتىپ ج.ك. ئادامىس (J.Q.Adams) زۇڭتۇڭ ۋە ئا. جېكسون (A.Jackson) زۇڭتۇڭ ۋاقتىدا ئىككى قارار مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. ئەسلىدە دۆلەتچىلىك تەرەپدارى بولۇپ، ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنى كۈچەيتىشنى، سودا-سانائەت كارخانىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈشنى، دۆلەت بانكىسىنى قوللاشنى، مۇھاپىزەت تاموژنىسىنى يولغا قويۇشنى ۋە دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. لېكىن كېيىن قۇللۇق تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىشنى ھىمايە قىلىدىغان شتات ھوقۇقچىلىقى تەرەپدارى بولۇپ كەتكەن. ئۇ شتات پارلامېنتىنىڭ ئىتتىپاق پارلامېنتىنىڭ قانۇن لايىھىلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك، دەپ تونۇغان. جەنۇبىي كارولىنا شتاتى پارلامېنتى ئۇنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن پارلامېنتنىڭ قانۇن-پەرمانلىرىنى بىكار قىلىش ھوقۇقى لايىھىسىنى ماقۇللىغان. 1844 — 1845-يىللىرى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان. 1845 — 1850-يىللىرى ئىتتىپاق كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

كالۋىن

  • كالۋىن[يەشمىسى:]» (Jean Calvin، 1509 — 1564) ⅩⅥ ئەسىردىكى ياۋروپا دىن ئىسلاھاتچىسى، كالۋىن دىنىنى ياراتقۇچى. فرانسىيىنىڭ نويون (Noyon) شەھىرىدىكى ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، پارىژ ئورلېئان ۋە بۇرگېس (Bourges) تا ئوقۇغان. دەسلىپىدە ئىلاھىيەتنى تەتقىق قىلغان، كېيىن قانۇن ئوقۇغان. 1533 — 1534-يىللىرى دىننى ئىسلاھ قىلىپ پروتېستانت دىنىنى ياراتقان. 1534-يىلى فرانسىيە ھۆكۈمىتى پروتېستانتلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقتىن، شۋېتسارىيىنىڭ بازېل دېگەن يېرىگە قېچىپ كەتكەن. 1536-يىلى مۇشۇ شەھەردە «خرىستىئان دىنى قائىدىلىرى» نى نەشىر قىلىپ، پروتېستانت دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، رىم پاپاسىنىڭ نوپۇزىنى ئىنكار قىلغان. شۇ يىلى تەكلىپكە بىنائەن جەنۋەگە بېرىپ، شۇ جاينىڭ دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. ئارىلىقتا بىر مەھەل بۇ يەردىن ئايرىلىپ كەتكەن. 1541-يىلىدىن كېيىن ئۇزاققىچە جەنۋەدە تۇرۇپ، كالۋىن دىنىنى ياراتقان. ئۇنىڭ دىن تەلىماتى لۇتېرنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، ئۇ «ئېتىقاد ئارقىلىقلا، گۇناھتىن ساقىت بولغىلى بولىدۇ» دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ، كاتولىك دىنىنىڭ دىنىي تەبىقە تۈزۈلمىسى ۋە چاكىنا قائىدە-يوسۇنلىرىغا قارشى تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىجارەت قىلىپ بېيىش ۋە پۇل قەرز بېرىپ ئۆسۈم ئېلىشقا يول قويغان ھەمدە چېركاۋ تەشكىلاتلىرىنى دېموكراتىك ۋە جۇمھۇرىيەت پرىنسىپى ئارقىلىق قۇرۇپ چىققان. شۇ سەۋەبتىن بۇرژۇئازىيىنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ ماسلاشقان. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە، جەنۋە سىياسىي بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ئىلاھىي ھاكىمىيەت جۇمھۇرىيىتىگە ئايلانغان. يەنە دىن تارقاتقۇچىلارنى ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىپ دىن تارقاتقان، شۇڭا بەزىلەر ئۇنى جەنۋە پاپاسى دەپ ئاتىغان، جەنۋەنى پروتېستانت دىنىنىڭ رىمىغا ئوخشاتقان. ئۇ دېھقانلار ۋە شەھەر پۇقرالىرى دىنىي مەزھەپلىرىگە (بولۇپمۇ قايتا چوقۇندۇرۇش تەرەپدارلىرى) دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىنى تۇتقان، يەنە بىدئەت دېگەن جىنايەت بىلەن، ئىسپانىيە ئالىملىرىدىن سېرۋېت قاتارلىق 50 نەچچە كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. 1558-يىلى جەنۋە ئىنستىتۇتى (جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاساسى) نى قۇرغان. كېيىن «كالۋىن ئەسەرلىرى» دىن 52 توم نەشىر قىلىنغان.

كالىداسا

  • كالىداسا[يەشمىسى:]» (Kalidasa) ھىندىستاننىڭ گۇپتا سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شائىر ۋە دراماتۇرگ. ئادەتتە ئۇنىڭ پائالىيىتى گۇپتا سۇلالىسىنىڭ تازا گۈللەنگەن مەزگىلىدە، يەنى چاندرا گۇپتاⅡ زامانىسىدا بولغان دەپ قارىلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ چاندرا گۇپتا Ⅱئوردىسىدىكى «توققۇز ئەتىۋارلىق» نىڭ بىرى دەپ تەرىپلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ھازىرغىچە تارىلىپ يۈرگەن يەتتە پارچە ئەسىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچ پارچىسى دراما، تۆت پارچىسى شېئىرلار توپلىمىدىن ئىبارەت. ئۈچ پارچە درامىسى «ساكۇنتالا»، «يولى پوس» ۋە «مورۋىكا بىلەن فويۇشاھ»، تۆت پارچە شېئىرلار توپلىمى «بۇلۇت ئەلچىسى»، «كوموراجىنىڭ دۇنياغا كېلىشى»، «روگۇ شەجەرىسى» ۋە «پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، بۇلار قەدىمكى ھىندىستاننىڭ سانسكرىت ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ.

كالىش شەرتنامىسى

  • كالىش شەرتنامىسى[يەشمىسى:]» پرۇسسىيە بىلەن روسىيىنىڭ ناپولېئونغا قارشى تۈزگەن ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى. سېتىيىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تۈرتكىسىدە پرۇسسىيە كورۇلى فرېدرىخ ۋېلھېلم Ⅲ بىلەن روسىيە چار پادىشاھى ئالېكساندر Ⅰ 1813-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى پولشانىڭ كالىش (Kalisz)شەھىرىدە ئىمزالىغان. شەرتنامىدە پرۇسسىيە ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇشقا 80 مىڭ كىشىلىك قوشۇن چىقىرىدۇ. روسىيە پرۇسسىيىنىڭ 1806-يىلدىكى چېگرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەرتى بىلەن 150 مىڭ ئەسكەر چىقىرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ شەرتنامە فرانسىيىگە قارشى 6-قېتىملىق ئىتتىپاققا ئاساس سالغان.

كالىگۇلا

  • كالىگۇلا[يەشمىسى:]» (Caligula، 12 — 41)قەدىمكى رىم پادىشاھى (37 — 41). ئەسلى ئىسمى گايۇس كائېسار گېرمانىكۇس (Gaius Caesar Gemanicus). «كالىگۇلا» لاتىنچە سۆز بولۇپ «ئۆتۈك» دېگەنلىك، بۇ لەقەم ئۇنىڭغا بالا ۋاقتىدا ئاتىسىغا ئەگىشىپ رېين قىسمىدا يۈرگەن چاغلىرىدا ئەسكەرلەر تەرىپىدىن قويۇلغان. چۈنكى ئۇ قىسىمدا دائىم ئۇزۇن قونچلۇق ئۆتۈك كىيىپ يۈرگەن. گېرمانىكۇس (پادىشاھ تىبېرىئوسنىڭ جىيەنى) بىلەن ئاگرىپپىنا (ئاۋگۇستوسنىڭ قىز نەۋرىسى، يەنى چوڭ ئاگرىپپىنا Agrippina) نىڭ ئوغلى. تىبېرىئوسنىڭ ئورنىغا تەختكە ئولتۇرغان. باشتا ئالۋان-سېلىقىنى ئازايتىپ، سىنات بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يۇمشاتقان. كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا زوراۋانلىق سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئۆزىچە چەكسىز مۇستەبىتلىك ھوقۇقۇم بار دەپ بىلىپ، ۋەزىر ۋە پۇقرالارغا ئۆزىنى ئىلاھ سۈپىتىدە بىلىپ تېۋېنىشنى بۇيرۇغان؛ گۇناھسىز كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۆز مەيلىچە ئىسراپچىلىق قىلىپ ئاممىنىڭ نەپرىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نەتىجىدە ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. 

كالىنگا

  • كالىنگا[يەشمىسى:]»(Kalinga) ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمىي دۆلەت. مىلادى تەخمىنەن Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرى ياۋا ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا باش كۆتۈرۈپ چىققان. مىلادى 674-يىلى ئايال پادىشاھ سىمو (Simo) تەختكە چىققاندىن كېيىن، دۆلەت قۇدرەت تاپقان. قانۇننى قاتتىق يولغا قويغان. ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋادىكى 28 دەك ئۇششاق بەگلىكلەرنى بويسۇندۇرۇۋالغان. پايتەختى ۋالوگاس (ھازىرقى گېرېسىك، Geresik). Ⅶ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، سانجايا(Sanjaya) ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ياۋانى ئاساسەن بىرلىككە كەلتۈرگەن ھەمدە ئارالنىڭ سىرتىغا قاراپ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتكەن. كېيىن سىرېۋىجايادىكى سائىلېندرا خاندانلىقى ياۋانىڭ كۆپ قىسمىنى بېسىۋالغان. كالىنگانىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى شەرقىي قىسمىغا يۆتكىلىپ، ماتارام پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلغان. بۇ دۆلەت ئەسلىدە ھىندى دىنىنىڭ سىۋا(Siva) مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان، كېيىن بۇددىزم تارقالغان. جۇڭگولۇق راھىب خۇينىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، يەرلىك راھىب جوناۋادو بىلەن بىرلىكتە بۇددا نومىنى تەرجىمە قىلغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ دۆلەت جۇڭگوغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن.

كالىنگا

  • كالىنگا[يەشمىسى:]» (Kalinga) جەنۇبىي ھىندىستاندىكى قەدىمكى دۆلەت. گوداۋارى دەرياسى بىلەن ماخانادى دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز بويى رايونىغا جايلاشقان. «بەگلىكلەر» دېگەن كىتابتا ئۇنىڭ 32 ھۆكۈمرانى تىلغا ئېلىنغان، ماگادىخادىكى ناندا خاندانلىقى ئۇنى بىر مەھەل بويسۇندۇرغان، كېيىن مۇستەقىل بولغان. ماۋۇريا ئىمپېرىيىسى (ماگادخا)نىڭ پادىشاھى ئاسوكا تاج كىيگەندىن كېيىن 9-يىلى ئۇنىڭغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلغان. تاشقا ئويۇلغان 13-نومۇرلۇق يارلىقىغا قارىغاندا: بۇ يەردىن 150 مىڭ كىشى ئەسىرگە ئېلىنغان، 100 مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، ئۆلگەنلەر مۇشۇ ساندىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن، ماۋۇريا ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. بىر قىسمى توسالىنى پايتەخت قىلغان، يەنە بىر قىسمى ساموپونى پايتەخت قىلغان. ماۋۇريا ئىمپېرىيىسى خارابلاشقاندىن كېيىن يېڭىباشتىن مۇستەقىل بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىردە جىتى خاندانلىقىنىڭ ئۈچىنچى ھۆكۈمرانى كاراۋېلا(Kharavela) تەختتىكى چاغدا شىمالىي ھىندىستانغا ئىككى قېتىم بېسىپ كىرىپ، ماگادخانى بويسۇنۇشقا مەجبۇر قىلغان؛ يەنە جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ پاندىيا بەگلىكىنى بويسۇندۇرغان. كاراۋېلا ئۆلگەندىن كېيىن نۇرغۇن كىچىك بەگلىككە پارچىلىنىپ كەتكەن.

كالىنىن

  • كالىنىن[يەشمىسى:]» (Михаил Иванович Калинин، 1875 — 1946) سابىق سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. تۋېر ئۆلكىسى (Tbepb، ھازىرقى كالىنىن ئۆلكىسى)دە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1893-يىلى پېتېربۇرگقا بېرىپ توكار بولۇپ، ئىنقىلابىي پائالىيىتىنى باشلىغان. 1896-يىلى پېتېربۇرگ ئىشچىلار سىنىپى ئازادلىق كۈرىشى جەمئىيىتىگە قاتناشقان. 1898-يىلى روسىيە سوتسىيال-دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1905-يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە پېتېربۇرگ پوتىلوۋ زاۋۇتى ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان. كېيىن موسكۋادا پارتىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1912-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا ۋە مەركىزىي رۇس بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە «ھەقىقەت گېزىتى» نى نەشىر قىلىشقا قاتناشقان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە سۈرگۈن قىلىنغان. 1917-يىلى فېۋرال ۋە ئۆكتەبر ئىنقىلابلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشقا قاتناشقان. 1919-يىلى مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1925-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى (1919 — 1922)، سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى (1922 — 1938)، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋىتى پرېزدىئومىنىڭ رەئىسى (1938 — 1946) بولغان. «كوممۇنىستىك تەربىيە توغرىسىدا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

كاماكۇرا شوگونلۇقى

  • كاماكۇرا شوگونلۇقى[يەشمىسى:]»ياپونىيىنىڭ تۇنجى سامورايلار ھاكىمىيىتى. شوگنات سىياسىتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گېن يورىتومو كاماكۇرا (بۈگۈنكى كاناگاۋا ناھىيىسىگە قارايدۇ) نى تايانچى بازا قىلىپ، 1180-يىلى ھەربىي ساقچىلار مەھكىمىسى تەسىس قىلغان، 1184-يىلى ئالاقە مەھكىمىسى (كېيىن مالىيە ئىشلىرى مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن)، سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلغان. 1185-يىلى دېگۈ خېشىنى يوقاتقاندىن كېيىن ھەرقايسى جايلاردا سىياگۇن، يەر بېشى قويۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. بۇ ۋەزىپىلەرگە يېقىن كىشىلىرىنى قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم رايونىنى كونترول قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كىيوتوسانغۇنى تەسىس قىلىپ (1221-يىلدىن كېيىن روكوخارا تاندەي ئۇنىڭ ئورنىنى باسقان) ئوردىنى نازارەت قىلغان؛ 1186-يىلى (1185-يىلى چىلەرمۇ بار) كىيوسىيۇدا جېنىشى ئىجراچىسى تەسىس قىلغان، 1189-يىلى شىمالدا ئوۋجۇ باش ئىجراچىسى تەسىس قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان سىياسىي تۈزۈلمىنى ئورناتقان. 1192-يىلى (جيەنجۇنىڭ 3-يىلى) گېن يورىتومو ئەجنەبىيلەرگە يۈرۈش قىلغۇچى سىياگۇن بولۇپ، كاماكۇرا شوگونلۇقىنى رەسمىي قۇرغان. گېن يورىتومو ئۆلگەندىن كېيىن، 1213-يىلى قىلىنغان. شىرەم تۇغقىنى كىتاجو ھوقۇقدار بولۇپ تەيىنلىنىپ، شوگناتنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن. 1221-يىلىدىن كېيىن شاھنىشاھ (1180 — 1239) شوگناتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ماجىرادىن پايدىلىنىپ، ئەسكەر چىقىرىپ بارگاھقا جازا يۈرۈش قىلغان، كېيىن شوگنات گوتوبا، تىسۇچىمىكادا، چونتوكۇ قاتارلىق ئۈچ شاھنىشاھنى سۈرگۈن قىلغان. 1274-ۋە 1281-يىللاردا يۇەن سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزىنى ئىككى قېتىم چېكىندۈرگەن. 1232-يىلى «جېڭيۇڭ يىلدىكى قانۇن»نى ئېلان قىلغان. بۇ قانۇن مەملىكەت خاراكتېرىدىكى قانۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1331-يىلى تېننو دائىگو (1288 — 1339) شوگونلۇقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كويىدا بولغان. پاش بولغانلىقى ئۈچۈن كېيىن سۈرگۈن قىلىنغان. 1333-يىلى شوگناتنىڭ جازا يۈرۈش قىلغۇچى سىياگۇنى ئاشىكاگا تاكا ئۇجى ئەسكەر باشلاپ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، روكۇخارا تانداي، شىندېن يوشسادا(1301 — 1338) نى يوقىتىپ، كاماكۇرانى بېسىۋالغان. 150 يىلغا يېقىن داۋام قىلغان كاماكۇرا شوگونلۇقى شۇنىڭ بىلەن يوقىتىلغان. ياپونىيە تارىخشۇناسلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ياپونىيىدە فېئوداللىق جەمئىيەت كاماكۇرا دەۋرىدىن باشلانغان، دەپ ھېسابلىغان. لېكىن باشقىچە قاراشمۇ بار.

كامال

  • كامال[يەشمىسى:]»(Mustafa Kemal Ataturk، 1881 — 1938) يەنى ئاتا تۈرك كامال. تۈركىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى (1923 — 1938). ھازىرقى گرېتسىيىنىڭ سالۇنىكا شەھىرىدىكى تۈرك ياغاچ ماتېرىياللىرى سودىگىرى ئائىلىسىدىن چىققان. 1905-يىلى ئىستانبۇل قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، 1907-يىلىدىن كېيىن بىرلەشكەن تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسىگە كىرگەن. 1908 — 1909-يىللاردىكى تۈركىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا، ئىتالىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىغا ۋە بالقان ئۇرۇشىغا قاتناشقان، 1913 — 1914-يىللىرى بۇلغارىيىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدار بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېنېرال بولغان ۋە پاشا دېگەن نامغا ئىگە بولغان. جۈنجاڭ، جىتۇەنجۈن قوماندانى بولغان. 1919-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1920-يىلى بۈيۈك مىللىي پارلامېنتنىڭ رەئىسى، مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭى، قوشۇمچە مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1922-يىلى تۈركىيە ئارمىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئەنگلىيە-گرېتسىيە قوراللىق مۇداخىلىچىلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1923-يىلى خەلق پارتىيىسىنى قۇرۇپ چىققان (ياندۇرقى يىلى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى دەپ ئاتالغان). شۇ يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، مەملىكەت ئىچىدە بىر قاتار بۇرژۇئا مىللىي دېموكراتىك ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان؛ سىرتقا قارىتا تىنچ بىتەرەپلىك سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىكىنى قوغدىغان. 1934-يىلى «ئاتا تۈرك» دەپ نام بېرىلگەن.

كامال ئىنقىلابى

  • كامال ئىنقىلابى[يەشمىسى:]»كامال ۋەكىللىكىدىكى تۈركىيە سودا بۇرژۇئازىيىسى رەھبەرلىك قىلغان مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلاب. 1919 — 1922-يىللىرىدىكى تۈركىيە مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنى ۋە 1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن يولغا قويۇلغان مىللىي دېموكراتىك ئىسلاھات ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، تۈركىيە ئانتانتادىكى كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەر تەرىپىدىن بۆلۈشۈۋېلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن، تۈركىيە خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشى كۈندىن-كۈنگە ئەۋج ئالغان. 1918-يىلى ئاناتولىيە دېھقانلىرى ئالدى بىلەن ئەنگلىيە-فرانسىيە ئىشغالىيەتچىلىرىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرغان. ياندۇرقى يىلى كامال جايلاردىكى ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈرك مىللىتى ۋەكىللىرى ھەيئىتىنى قۇرۇپ، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1920-يىلى كامال تەرەپدارلىرى مىللىي ھۆكۈمەت قۇرغان. كامال ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ، قوشۇمچە مىللىي ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. شۇ يىلى سۇلتان خەلىپە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. 1922-يىلى ئەنگلىيە قوللىغان گرېتسىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. شۇ يىلى سۇلتانلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 1923-يىلى «لوزاننا شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەرنى تۈركىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، كامال ھۆكۈمىتى خەلىپە تۈزۈمىنى بىكار قىلغان (1924) ھەمدە سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت-مائارىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار بۇرژۇئا مىللىي دېموكراتىك ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان.

كامبا سېرېس

  • كامبا سېرېس[يەشمىسى:]»(Jean Jacques Regis de Cambaceres ، 1753 — 1824)، فرانسىيىلىك سىياسىي ئەرباب، قانۇنشۇناس. مونتپېللىئېردىكى بىر ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1774-يىلىدىن باشلاپ ئادۋوكات بولغان. 1792-يىلى ھېرائۇلت ئۆلكىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە مىللىي ئۇيۇشمىغا كىرگەن. لۇئى ⅩⅥ نى سوراق قىلغاندا، ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1793-يىلى 8-ئاي ۋە 10-ئايدا ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ بىرىنچى لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1794-يىلى 11-ئايدا ۋەتەننى قۇتقۇزۇش كومىتېتىغا ئەزا بولۇپ، دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىنغان. مىللىي ئۇيۇشما تارقىتىلغاندىن كېيىن، سىناتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1799-يىلى 7-ئايدا ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان. 11-ئايدا، ناپولېئوننىڭ تۇمانلىق ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى ياسىشىغا ياردەملەشكەن. ئارقىدىنلا ئىككىنچى كونسۇللۇقنى ئۈستىگە ئالغان. 1804-يىلى بىرىنچى ئىمپېرىيىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان. 1808-يىلى ئىمپېرىيە شاھزادىسى، پالما گرتسوگى ھەمدە سېناتنىڭ ئۆمۈرۋايەتلىك باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ ناپولېئوننىڭ ئاساسلىق قانۇن مەسلىھەتچىسى، ھەق تەلەپ قانۇنى ۋە باشقا قانۇنلارنىڭ ئاساسلىق تۈزگۈچىسىدۇر. 1814-يىلى ناپولېئون ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندە، ناپولېئوننىڭ تەختنى بوشىتىپ بېرىشىنى قوللىغان. يۈز كۈنلۈك سۇلالە مەزگىلىدە يەنە چاقىرتىلىپ، ئەدلىيە ۋەزىرلىكىگە ۋە ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. بوربون سۇلالىسى 1815-يىلى ئىككىنچى قېتىم تىرىلگەندىن كېيىن، بېلگىيىدە مۇساپىر بولۇپ ياشىغان. 1818-يىلى مەملىكىتىگە قايتىشقا رۇخسەت قىلىنغان، كېيىن پارىژدا ئۆلگەن.

كامبوجا

  • كامبوجا[يەشمىسى:]»(Kamboja) كامبودژانىڭ باشقا ئاتىلىشى. ئېيتلىشىچە، كامبۇدژا دېگەن نام — كامبۇجادېسا (Kambuja-desa ) دېگەندىن كەلگەن، مەنىسى «كامبۇ ئەۋلادلىرىنىڭ زېمىنى» دېگەنلىك بولىدىكەن. كامبۇ (Kambu) رىۋايەتتىكى ئىلاھ بولۇپ، كامبودژا پادىشاھلىقىنىڭ بوۋىسى، دەپ قارالغان.

كامبودژا مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى

  • كامبودژا مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى[يەشمىسى:]» كامبودژا خەلقىنىڭ ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي ۋيېتنامنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ لاڭنۇ گۇرۇھىنى ئاغدۇرۇش يولىدا ئېلىپ بارغان ھەققانىي ئۇرۇشى. 1970-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا لاڭنۇ گۇرۇھىنى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ، سىخانوكنىڭ (Samdech Norodom Sihanouk 1922 —) قانۇنىي ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. جەنۇبىي ۋيېتنام قورچاق ئارمىيىسى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا كامبودژاغا كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان. كامبودژا خەلقى كامبودژا كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قەھرىمانلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، بەش يىل جاپالىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى ۋە جەنۇبىي ۋيېتنام قورچاق ئارمىيىسىنىڭ 100 مىڭدىن ئوشۇق ئارمىيىسىنى تار-مار كەلتۈرۈپ، لاڭنۇنىڭ قورچاق ئارمىيىسىنى يوقاتقان. 1975-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى پايتەخت پىنوم-پېننى ئازاد قىلغان، 19-كۈنى پۈتكۈل كامبودژانى ئازاد قىلغان.

كامبېل دېلوسى

  • كامبېل دېلوسى[يەشمىسى:]»ئەنگلىيە ھازىرقى زامان تارىخىدا يۈز بەرگەن كامبېل (J.R. Cambell) دېلوسىنى دەۋر قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي ۋەقە. كامبېل ئەنگلىيە كومپارتىيىسىنىڭ ژۇرنىلى — «ئىشچىلار ھەپتىلىك ژۇرنىلى» نىڭ ئىجرائىي مۇھەررىرى بولۇپ، 1924-يىل 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، توپىلاڭ قىلىشقا قۇتراتتى، دېگەن بەتنام بىلەن قولغا ئېلىنغان. بىراق بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن بۇ دېلو بىكار قىلىنغان. بۇ ۋەقەنى دەۋر قىلغان ھالدا، مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسى بىلەن ماكدونالدنىڭ لېبورىستلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن سىياسىي كۈرەش قانات يايدۇرۇلۇپ، مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسى لېبورىستلار پارتىيىسىنىڭ باش سوتچىسى — ھاستىنگس (Patrik Hastings) نى كومپارتىيىگە يان باستى دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە ئەينى زاماندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەنگلىيە-سوۋېت ئىتتىپاقى سۆھبىتىگە بېسىم ئىشلەتكەن. ئەڭ ئاخىرى مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسى بىلەن ھۈرىيەتچىلەر پارتىيىسى بىرلىشىپ، بۇ دېلودىن پايدىلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا، كومپارتىيىگە قارشى دولقۇن قوزغاپ، لېبورىستلار ھۆكۈمىتىنىڭ تەختتىن چۈشۈشىگە سەۋەب بولغان. 

كامبىس

  • كامبىس[يەشمىسى:]»(Kambyses ياكى Gambyses مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 552) يەنى كامبىسⅡ. قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسى پادىشاھى(مىلادىدىن ئىلگىرى529 — 522). كۇرۇس (بۈيۈك ئىمپېراتور) نىڭ ئوغلى. مىلادىدىن ئىلگىرى 538 — 530-يىللىرى دادىسى تەرىپىدىن بابىلون ھۆكۈمرانى قىلىپ تەيىنلەنگەن. تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىنىسى باردىيە (Bardiya) نى مەخپىي ئۆلتۈرۈۋەتكەن. فىنىكلار ۋە ئەرەب بەدەۋىلەر قەبىلىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن، مىسىرغا لەشكەر تارتىپ كىرىپ، ئۇنى بويسۇندۇرغان. غەربتىن كارفاگېنغا باستۇرۇپ كىرمەكچى بولغان بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان، جەنۇبتىن نۇبىيىگە ھۈجۈم قىلىپ، مەغلۇپ بولغان. ئۇنىڭ مىجەزى ئەسكى بولۇپ، مىسىرغا يۇقىرى بېسىملىق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. مىلادىدىن 522 يىل ئىلگىرى ئىراندا توپىلاڭ بولۇپ، كاھىن گاۋماتا (Gaumata ئۆزىنى باردىيە دەپ ئاتىۋالغان) ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان، كامبىس بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دۆلىتىگە قايتىپ كېلىۋاتقاندا تاسادىپىي ئۆلۈپ كەتكەن.

كامپار دۆلىتى

  • كامپار دۆلىتى[يەشمىسى:]» ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمىي دۆلەت. سۇماترا ئارىلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كامپار (Kampar) غا جايلاشقان. سىرىۋىجاياغا تەۋە دۆلەت. ⅩⅢ ئەسىردە مۇستەقىل بولغان، مالاككا بوغۇزىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقانلىقتىن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرىنىڭ تولىسى مۇشۇ يەردە توختىغان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن مالاككا دۆلىتىگە بېقىنغان.

كامپاكۇ

  • كامپاكۇ[يەشمىسى:]»قەدىمكى زاماندا ياپونىيىدە ئوردىدا تېننونىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەملىشىدىغان ئەڭ ئالىي ئەمەلدار. بۇ جۇڭگونىڭ تارىخ كىتابى «خەننامە. خۇگۇاڭنىڭ تەرجىمىھالى» دىكى «ھەرقانداق ئىشنى ئاۋۋال كامپاكۇ كۆزدىن كەچۈرۈپ ئۇنىڭدىن كېيىن پەغپۇرغا يەتكۈزەتتى» دېگەن سۆزىدىن كەلگەن. يوزېئى تېننو تەختتىكى مەزگىلىدە (876 — 883) قوجىۋارانو موتوتىسونې نايىب بولغان، كوكوتېننو تەختتىكى مەزگىلىدە «ئىشلارنى مەلۇم قىلىشتا، ئالدى بىلەن مەسلىھەت بېرىلسۇن» دەپ يارلىق چۈشۈرگەن بولۇپ، كامپاكۇ دېگەن نام بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش بولغان، ئۇدا تېننو تەختتىكى مەزگىل (887-يىلى) گىچە، دەسلىپىدە چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمران كامپاكۇباش ۋەزىرنىڭ يارلىقى بويىچە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەمەل قىلىنمىغان. سوساكا تېننو تەختكە چىققان (930) دا فوجىۋارا نوتاداخىرا نايىب بولغان، مىلادى 941-يىلىغا كەلگەندە نايىب ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ كامپاكۇ تەيىنلەنگەن. مۇشۇنى ئۈلگە قىلىپ، تېننو بالىلىق ۋاقتىدا نايىب تەسىس قىلىنىپ، ياش-قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن كامپاكۇغا ئۆزگەرتىلگەن. نايىب بولغان. كېيىن شاھىنىشاھ ھۆكۈمرانلىقى يولغا قويۇلۇپ، كامپاكۇ ئىسمى بار، جىسمى بولمىغان ئەمەل نامى بولۇپ قالغان. كاماكۇرا مەزگىلىدە، فوجىۋارا جەمەتىنىڭ تارماقلىرىدىن كۇجۇ، ئىچىجو (Ichijo)، نىجو، كونوئىې، تاكاشىدىن ئىبارەت بەش جەمەت ئۇزاققىچە كامپاكۇ بولغان. 1585-يىلى تويوتومى ھىدېيوشىنىڭ كامپاكۇ بولۇشى ھەقىقەتەنمۇ ئادەتتىن تاشقىرى ئەھۋال. ئەمەل نامى مېيجى يېڭىلىقىنىڭ ھارپىسىغىچە داۋاملىشىپ ئېدو مەزگىلىدە توكۇگاۋا سىياگونلىرى ھاكىمىيەت ئىگىلىگەندە، ئۇنىڭ قۇرۇق نامىلا ساقلىنىپ قالغان.

كامپانېللا

  • كامپانېللا[يەشمىسى:]»(Tommaso Campanella، 1568 — 1639)، ئىتالىيىلىك مۇتەپەككۇر، دەسلەپكى خىيالىي سوتسىيالىزمچى. كالابرىيە (Calabria) رايونىدا تۇغۇلغان. 1582-يىلى ئورتودوكسال دومىنىكا جەمئىيىتىدىكى موناخقا ئايلىنىپ، موناستىرغا كىرىپ پەلسەپە بىلەن تېنولوگىيىنى تەتقىق قىلغان. 1591-يىلى «سەزگۈ ئەزا پەلسەپىسى» دېگەن كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان. بۇ كىتابتا مەدرىس پەلسەپىسىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، دىنىي سوت تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئىتالىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەرسان بولۇپ يۈرگەن. كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئەينى ۋاقىتتا جەنۇبىي ئىتالىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئىسپانىيىنىڭ ھابسبۇرگ سۇلالىسىگە قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنغان. خائىننىڭ ساتقىنلىقى ئارقىسىدا، 1599-يىلى دىنىي سوت تەرىپىدىن ئۆمۈرۋايەت قاماقتا يېتىشقا ھۆكۈم قىلىنغان. 1601-يىلى نېئاپول تۈرمىسىدە دەسلەپكى مەزگىللىك خىيالىي سوتسىيالىزمنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن بولغان «قۇياش شەھىرى» نى يېزىپ پۈتتۈرگەن (1623-يىلى نەشىر قىلىنغان). ئۇ بۇ ئەسىرىدە قۇياش شەھىرىدە خۇسۇسىي مال-مۈلۈكنىڭ بولمايدىغانلىقى، ھەممە ئادەمنىڭ ئەمگەك قىلىدىغانلىقى، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ ئېھتىياجغا قاراپ تەقسىم قىلىنىدىغانلىقى، ھەربىر ئادەمنىڭ كۈندە 4 سائەت ئىشلەپ، قالغان ۋاقىتنى كىتاب ئوقۇشقا، كۆڭۈل ئېچىشقا سەرپ قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغان. بۇ، ئىتالىيىدىكى تۆۋەن قاتلام خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئەمما قۇياش شەھىرىدە «دانىشمەنلەر سىياسىسى» يولغا قويۇلۇپ، پەقەت چوڭ ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە «دانا»لارلا ئەڭ ئالىي باشقۇرغۇچى («قۇياش» دەپ ئاتىلىدۇ) ۋە ئۇنىڭ ئۈچ نەپەر ياردەمچىسى بولىدۇ ھەمدە ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىسمانىي ئەمگەكنىڭ پەرقى مەۋجۇت بولىدۇ، ۋەھاكازالار. 1626-يىلى ئۇ تۈرمە تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، رىمغا بارغان. كېيىن فرانسىيىدە مۇساپىر بولۇپ ياشىغان ۋە پارىژدا ئۆلگەن.

كامپانىيە

  • كامپانىيە[يەشمىسى:]»(Campania) قەدىمكى ئىتالىيە رايون نامى. شىمالىي لاتىنئوم جەنۇبىي لۇكانىيە (Lucania) بىلەن قوشنا، شەرقى سامنت تاغلىق رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربى تىررېن دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ. پايتەختى كاپويا شەھىرى. يېرى مۇنبەت بولۇپ، سودا-سانائەت ئىشلىرى راۋاجلانغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يۈز بەرگەن «سامنت ئۇرۇشى» ئاساسەن رىملىقلار بىلەن سامنتلارنىڭ كامپانىيە «ۋەكاپويا» نى تالىشىش ئۇرۇشى بولۇپ، بۇ ئۇرۇشتا رىملىقلار غالىب كېلىپ، كامپانىيىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. دېڭىز بويى شەھى-رى نېئاپول (Neapolis)، مەشھۇر ۋىزوۋېي يانار تېغى (79-يىلى تۇنجى قېتىم پارتلىغان) نېئاپول قولتۇقىنىڭ دېڭىزغا يېقىن جايىغا جايلاشقان.

كامپور دەۋا دېلوسى

  • كامپور دەۋا دېلوسى[يەشمىسى:]» ئەنگلى-يە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ھىندىستان كوممۇنىزم ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن پەيدا قىلغان ۋەقەسى. 1924-يىلى 2-ئايدا مۇستەملىكىچىلەر كامپورلىق (Cawnpore) گۇپتا(Nalini Gupta)،ئەخ-مەت(Muzaffar Ahmad)، دانگى (Shripat Amrit Dange) ۋە ئوسمانى (Shaukat V smani) تۆت نەپەر كوممۇنىزمچىنى قولغا ئېلىپ سوراق قىلغان ۋە ئۇلارنى زورلۇق كۈچ ئىنقىلابىي ئارقىلىق ئەنگلىيە كورۇلىنىڭ ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستانغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى قەستلىگەن دەپ ئەيىبلەپ، تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. سوراق مەزگىلىدە بومبايدا ھىندىستان كوممۇنىزمچىلىرىنى قوغداش كومىتېتى قۇرۇلۇپ، ھىندىستان جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئەنگلىيە كومپارتىيىسىگە مۇراجىئەت چىقىرىپ، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، ھۆكۈمنى بىكار قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرغان. بىراق ئۈنۈم بەرمىگەن.

كامپوفورمىئو سۈلھ شەرتنامىسى

  • كامپوفورمىئو سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:]» فرانسىيە 1797-يىلى ئاۋسترىيە بىلەن تۈزگەن سۈلھ شەرتنامىسى. ناپولېئون بىرىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقتىكى كۈچلۈك دۈشمىنى ئاۋسترىيىنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن، 1796 — 1797-يىللاردا ئىتالىيىگە قوشۇن تارتىپ، ۋېناغا قىستاپ بارغان. 1797-يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنى فرانسىيە بىلەن ئاۋسترىيە دەسلەپكى سۈلھ شەرتنامىنى ئىمزالىغان،10-ئاينىڭ 17-كۈنى كامپوفورمىئو ( Formio-Campo، ھازىرقى ئىتالىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا) كەنتىدە، ناپولېئون فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىگە ۋەكالىتەن گراف كوبېنزل (Cobenzl J. L. 1753 — 1809) ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسىگە ۋەكالىتەن، سۈلھ شەرتنامىسىنى رەسمىي ئىمزالىغان. شەرتنامە ئاشكارا ۋە مەخپىي ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن، ئۇنىڭدا ئاۋسترىيىنىڭ رېين دەرياسىنى فرانسىيىنىڭ چېگرىسى دەپ ئېتىراپ قىلىشى، فرانسىيە شىمالىي ئىتالىيىدە يېڭىدىن قۇرغان ئالپېس تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى جۇمھۇرىيەتنى ئېتىراپ قىلىشى، ئەسلىدە ئاۋسترىيىگە قاراشلىق نېدېرلاند (ھازىرقى بېلگىيە) ۋە شىمالىي ئىتالىيىنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان رايونىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى؛ ئەسلىدىكى ۋېنتسىيە جۇمھۇرىيىتىنى پارچىلاپ، ئىئونىيە تاقىم ئاراللىرىنى فرانسىيىگە بېرىش، ئادىگې دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى پۈتكۈل ۋېنتسىيە ۋە ئىسىدىلىيە، دالماتسىيە، ئاۋسترىيىگە تەۋە بولۇش بەلگىلەنگەن. بۇ شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى بىرىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

كامدېن

  • كامدېن[يەشمىسى:]»(William Camden، 1551 — 1623) ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس. دەسلەپ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ماگدالون ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ، كلاسسىك تەربىيە كۆرگەن. كېيىن لوندونغا كېلىپ ۋېستمىسنتر مەكتىپىدە مۇئەللىملىك قىلغان ۋە بىر مەزگىل مەكتەپ مۇدىرى بولغان. مەدەنىي يادىكارلىقلارنى توپلاپ ساقلاش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئىشتىياق باغلىغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىككى ئەسىرى بار، بۇنىڭ بىرى — «برىتانىيە تەزكىرىسى» بولۇپ، لاتىنچە يېزىلغان، دەسلەپ 1586-يىلى نەشىر قىلىنىپ، 1610-يىلى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغان. كىتابتا برىتانىيە ئارىلىنىڭ تاغ-دەريالىرى، يەر شەكلى، مەشھۇر يادىكارلىقلىرى، تارىخىي ھېكايىلەر، ئېتنوگرافىيىسى ۋە قائىدە-قانۇن تۈزۈملىرى قاتارلىقلار قىسقىچە بايان قىلىنغان. يەنە بىرى «كورۇلىۋ ئىلىزابىت دەۋرىدىكى ئەنگلىيە، ئىرلاندىيە تارىخى» بولۇپ، 1615-يىلى نەشىر قىلىنغان. كىتابتا ئىلىزابىتقا باھا بېرىشىدە كۆپرەك ئوشۇقچە مەدھىيە بىلەن تولغان.

كامفائۇسېن

  • كامفائۇسېن[يەشمىسى:]

كاممون

  • كاممون[يەشمىسى:]»(Khammouane ياكى Kammon) لائۇستىكى قەدىمكى دۆلەت. بۈگۈنكى كاممون ئۆلكىسى ئەتراپىدا، پايتەختى تاكېك (Thakhek ياكى Thakher). شۇڭا يەنە تاكېك دۆلىتى دەپمۇ ئاتالغان. ⅪⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن لەنشاڭ دۆلىتىگە قارىغان.

كاموررا

  • كاموررا[يەشمىسى:]» ئىتالىيانچە Camorra نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، پوپوزا قىلىپ تارتىۋېلىش، زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىشتىن ئىبارەت قانۇنسىز ھەرىكەت دېگەن مەنىدە. ئىتالىيىنىڭ نېئاپول رايونىدىكى شەھەرلەردە ھەرىكەتلىنىدىغان مەخپىي سۇيىقەستچى تەشكىلات. ئىچكى قىسىمدا قاتتىق دەرىجە ئايرىمىسى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇن-نىزامى، قارا سۆزى بار. كەڭ دائىرىدە تارماق ئورگانلارنى قۇرغان. بۇ تەشكىلات كۆپ زامانلار بۇرۇن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، تېگىنى ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ. ئىسپانىيىدىكى بوربون خاندانلىقى نېئاپولغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئۇ تەشكىلاتنى ئاشكارا قوللىغان. 1815-يىلى بوربون خان جەمەتى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، تەشكىلاتنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشقان. پائالىيىتى تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ ھۆكۈمەتنى پايلاقچىلار، كاللىكېسەرلەر بىلەن تەمىنلەپ، فېئودالىزمغا قارشى سىياسىي پائالىيەتلەرنى باستۇرۇش ھەم ئۇلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا پائال قاتناشقان، يەنە قىمار باشقۇرغان، سودىگەرلەرنى قاقتى-سوقتى قىلغان، يول توسۇپ، بۇلاڭچىلىق قىلغان، ھەتتا پارلامېنت سايلاملىرىنىمۇ چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان. 1061-يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن مەنئى قىلىنغان. 1864-، 1874-، 1883-يىللىرى كۆپ قېتىم زەربىگە ئۇچرىغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ قايتا باش كۆتۈرەلمىگەن، تەشكىلاتنىڭ قالدۇق كۈچلىرى رىكاتىتورى (Ricattori) قاقتى-سوقتىچى باندىتلار تەشكىلاتىنى قۇرغان.

كاموئېنىس

  • كاموئېنىس[يەشمىسى:]»(Luiz Vaz de Camoes، 1524 — 1580) ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى پورتۇگالىيىلىك شائىر. لىسابۇندا سۇنغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كوئىمبىرا(Koimbra) ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. كېيىن لىسابۇنغا يېنىپ كېلىپ، ئاۋىس خاندانلىقىنىڭ كورۇلى ژوئاۋⅢ (1521 — 1557-يىللىرى تەختتە) نىڭ خىزمىتىدە بولغان. 1546-يىلى «كورۇل سىلېۋكوس» دېگەن ھەجۋىي درامىسى تۈپەيلىدىن (1547-يىلى) سۈرگۈن قىلىنغان، 1552-يىلى كورۇلنىڭ مىراخورىنى يارىلاندۇرغانلىقتىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە سولانغان. 1553-يىلى قويۇۋېتىلگەن. جان بېقىش ئۈچۈن ھىندىستاندىكى گوئاغا بارغان. بۇ ئارىلىقتا يەنە جۇڭگونىڭ ئاۋمېنغىمۇ كەلگەن. 1567-يىلى موزامبېككە بارغان. تەخمىنەن 1570-يىلنىڭ بېشىدا ۋەتىنىگە قايتقان. ئۇ داگامانىڭ يېڭى سۇ يولىنى ئېچىش جەريانىنى مەركىزىي نۇقتا قىلىپ، پورتۇگالىيە گرافى، شاھزادە ھېنرى (Henry) دىن باشلاپ تاكى ژوئاۋⅢ نىڭ ۋاقتىغىچە بولغان پورتۇگالىيە تارىخىنى بايان قىلىدىغان 8860 مىسرالىق «لۇستانلار» (Os Lusladas، مەنىسى «پورتۇگاللار») دېگەن داڭلىق ئېپوسنى يازغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 14 مىسرالىق شېئىرلار، ھەجۋىي فېليەتونلار ھەمدە ئۈچ پارچە كومېدىيە يازغان.

كامېدا ۋەقەسى

  • كامېدا ۋەقەسى[يەشمىسى:]»ياپونىيىنىڭ كانتودا يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەش مەزگىلىدە توكيو كامېدادىكى ئىنقىلابىي ئىشچىلارنى قىرغىن قىلىش ۋەقەسى. كانتودا قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئارمىيە بىلەن ساقچىلار مالىماتاڭچىلىقتىن پايدىلىنىپ ھەدەپ ئىنقىلابىي ئىشچىلار بىلەن چاۋشيەنلىك مۇھاجىرلارنى تۇتقۇن قىلغان. توكيو كامېدا ساقچى مەھكىمىسىلا 700 دىن كۆپرەك كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. 1923-يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنى كېچىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەربابى كاۋائى يوگو (كازۇمىنا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى) قاتارلىق ئون نەپەر ئىشچى بىلەن تۆت نەپەر قوغدىنىش تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئاتلىق ئەسكەرلەر تەرىپىدىن مەخپىي ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن. 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بۇ خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئەمگەك باش ئىتتىپاقى بىلەن ئەركىن ئادۋوكاتلار ئۆمىكى ئەيىبلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. بىراق ھەربىي، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن ھەقىقىي ئەھۋال يېپىۋېتىلگەن.

كامېرون

  • كامېرون[يەشمىسى:]»(Verney Lovett Cameron، 1844 — 1894)ئەنگلىيىلىك مۇستەملىكىچى، ئېكسپېدىتسىيىچى. 1857-يىلى دېڭىز ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1868-يىلى ئېفىئوپىيىنى مۇستەملىكە قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1873-يىلى ئەنگلىيە خانلىق جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ئېكسپېدتسىيە ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىقىغا بەلگىلىنىپ، ئافرىقىغا بېرىپ، لېۋىڭىستون (David Livingstone) غا ياردەم بەرگەن ۋە ئېكسپېدىتسىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تانگانىكا كۆلىنىڭ جەنۇبىي رايونىنى تەكشۈرۈۋېتىپ، لۇكۇگا (Lukuga) دەرياسىنى «تاپقان». كونگو دەرياسى بىلەن زامبېزى دەرياسىنىڭ سۇ بۆلگۈچىنى تەكشۈرۈپ، 1875-يىلى 1-ئايدا ئانگولا دېڭىز ساھىلىغا يېتىپ بارغان. ئۇنىڭ «ئافرىقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈش» دېگەن ئەسىرى بار.

كامېنېۋ

  • كامېنېۋ[يەشمىسى:]»(Лев Борисович Каменев، 1883 — 1936)، پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى (1917) ، «يېڭى ئۆكتىچىلەر» نىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى. ئىنژېنېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1901-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1903-يىلى پارتىيىنىڭ «ئىككىنچى قۇرۇلتىيى» دىن كېيىن بولشېۋېكلار تەرەپ بولغان. 1908-يىلدىن باشلاپ پارىژدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1912-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1914-يىلى ۋەتەنگە قايتقان. 1915-يىلى سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن قايتىپ كېلىپ، پېتروگراد سوۋېتى پرېزىدىئومنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىدا، پارتىيىنىڭ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش فاڭجېنىغا قارشى تۇرۇپ، زىنوۋيېۋ (Знноввев) بىلەن بىللە، مېنشېۋىكلارنىڭ «يېڭى ھايات گېزىتى» دە بايانات ئېلان قىلىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش پىلانىنى ئاشكارىلاپ قويغان.ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، بىرىنچى نۆۋەتلىك پۈتۈن روسىيە ئىجرائىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1917-يىلى 11-ئايدا مېنشېۋىكلار، سوتسىيال ئىنقىلابچىلار قاتناشقان «بىرلەشمە ھۆكۈمەت» قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھاكىمىيەتنى بولشېۋىكلارنىڭ تەنھا ئىگىلىشىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىدىن قالدۇرۇلغان ھەمدە ئۆزلۈكىدىن مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1919-يىلى موسكۋا سوۋېتىنىڭ رەئىسى بولغان، 1922-يىلى مۇئاۋىن خەلق كومىسسارى بولغان. 1924-يىلى ئەمگەك ۋە دۆلەت مۇداپىئە يىغىنىنىڭ رەئىسى بولغان. 1925-يىلى زىنوۋيېۋ بىلەن «يېڭى ئۆكتىچىلەر» گۇرۇھىنى ئۇيۇشتۇرغان. ئىككىنچى يىلى يەنە تروتىسكى-زىنوۋيېۋ پارتىيىگە قارشى ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 1927-يىلى پارتىيىدىن چىقىرىلغان. كېيىن پارتىيىلىكى ئىككى قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، يەنە ئىككى قېتىم تازىلىۋېتىلگەن. 1934-يىلى قولغا ئېلىنىپ، 1936-يىلى ئۆلتۈرۈلگەن.

كامىل

  • كامىل[يەشمىسى:]»(Mustafa Kamil، 1874 — 1908) مىسىر مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى، سىياسىي ئوبزورچى. ياش چېغىدىلا فرانسىيىدە ئوقۇغان. 1900-يىلى «بايراق» گېزىتىنى چىقىرىپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ مىسىرنى بېسىۋېلىشىغا، مەھدىچىلىك ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا قارشى تۇرغان. لېكىن فرانسىيە بىلەن ھدىۋغا تايىنىپ، ئەنگلىيىگە قارشى تۇرۇشنى خام خىيال قىلغان. 1907-يىلى يېڭى ۋەتەن پارتىيىسىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ھەمدە «پەقەت ئۆزىمىزنىڭ كۈرىشىگە تايانغاندىلا، مىللىي مۇستەقىللىكنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كانارىس

  • كانارىس[يەشمىسى:]»(Kanaris ياكى Constantines Canaris، تەخمىنەن 1790 — 1877) گرېتسىيە دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانى. 1821 — 1829-يىللاردىكى گرېتسىيە مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1824-يىلى تۈركىيە دېڭىز فلوتىنى يوقىتىش ئۇرۇشىدا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. 1826-يىلى مىللىي پارلامېنتقا ۋەكىل بولۇپ سايلانغان. 1843 — 1844-ۋە 1854-يىللىرى دېڭىز ئارمىيىسى ۋەزىرى بولغان. پادىشاھلىق ئىستىبدادلىققا قارشى تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى ھىمايە قىلىش كۈرىشىگە قاتناشقان. 1864 — 1865-ۋە 1877-يىللىرى ئىككى قېتىم ھۆكۈمەت خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان.

كاتازاۋا ئەدەبىيات خەزىنىسى

  • كاتازاۋا ئەدەبىيات خەزىنىسى[يەشمىسى:]» ياپونىيىنىڭ كاماكۇرا شوگۇنلۇقىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىكى كىتاب ساقلاش ئورنى. خوجيوك-امى زامان-ىسىدا (1224 — 1276) روكۇئۇرا قورۇقى كانازاۋا يېزىسىدىكى داچىنىڭ ئىچىگە قۇرۇلغان (ھازىرقى يوكوخاما شەھىرى كاماكۇرا رايونى). 1275-يىلى خۇجيۇكامى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، مۇشۇ جايدا ساقلانغان كىتابلارنى كۆچۈرۈپ ھەم كوررېكتورلۇق قىلغان. بۇ كىتابلار ئاتاقلىق ئىبادەتخانا راھىبلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان. شۇڭا بۇ كىتابلار «كانازاۋا ئەدەبىيات خەزىنىسى» دېگەن خەت ئويۇلغان تامغا بېسىلىپ، ئاشكارە ھالدا ئارىيەت بېرىلگەن. كاماكۇرا شوگونلۇقى يوقالغاندىن كېيىن ساقلانغان كىتابلار بارا-بارا ئازىيىپ كەتكەن. ھازىر يەر تەۋرەش ۋە ئوت كېتىشكە چىداملىق بولغان قۇرۇلۇشلار سېلىنىپ، قېپقالغان كىتابلار نارا ناھىيىسىدىكى كۇتۇپخانىنىڭ باشقۇرۇشىدا ساقلانماقتا.

كاناگاۋا شەرتنامىسى

  • كاناگاۋا شەرتنامىسى[يەشمىسى:]»يەنى: «ياپونىيە-ئامېرىكا ئىناقلىق شەرتنامىسى».

كانت

  • كانت[يەشمىسى:]»(Immanuel Kant، 1724 —1804). گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ، گېرمانىيىنىڭ كلاسسىك ئىدېئالىستىك پەلسەپىسىگە ئاساس سالغۇچى. بوۋىسى شوتلاندىيىلىك، ئۆزى شەرقىي پرۇسسىيىنىڭ كېنىسبېرگ دېگەن جايىدا (روسىيىنىڭ كالېنگراد شەھىرىدە)، ئېگەرچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1740-يىلى كېنىسبېرگ داشۆسىنىڭ پەلسەپە شۆيۈەنىگە كىرىپ ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن توققۇز يىل ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1755-يىلى پەلسەپە دوكتورى ئۇنۋانىنى ئالغان. كېيىن كېنىسبېرگ داشۆسىنىڭ لېكتورى، پروفېسسورى، پەلسەپە شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى، داشۆنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولغان. 1797-يىلى پېنسىيىگە چىققان. 1754-يىلدىن كېيىن كۆپ خىل تەبىئىي پەن ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان. 1775-يىلى «تەبىئەتنىڭ ئومۇمىي تارىخى ۋە ئاسمان جىسىملىرى نەزەرىيىسى»، «ئالەمنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىن ئومۇمىي بايان» دېگەن ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، قۇياش سىستېمىسىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدىكى يۇلتۇزلار تۇمانى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قۇياش سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ماددىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئوبېيكتىپ قانۇنىيىتى بويىچە ھەرىكەت قىلىپ تەرەققىي قىلىش جەريانى دەپ قاراپ، تەبىئەت دۇنياسى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ، دەيدىغان دىئالېكتىك ئىدىيىنى ئىسپاتلاپ، پەلسەپە تارىخىدا ئىنقىلابىي رول ئوينىغان. 1770-يىلدىن كېيىن پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي نەزەرىيە مەسىلىلىرى تەتقىقاتى بىلەن مەشغۇل بولغان. پەلسەپىدە ماتېرىيالىزم بىلەن ئىدېئالىزمنى كېلىشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئۇ «ئۆزىدىكى نەرسە» (يەنى «ئۆز») كىشىلەر ئېڭىنىڭ سىرتىدا مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇ سەزگۈنىڭ مەنبەسىدۇر، دېگەننى تەشەببۇس قىلسىمۇ، ئەمما «ئۆزىدىكى نەرسە» نى بىلگىلى بولمايدۇ، ئۇ «ئۇ دۇنيالىق، تەجرىبىدىن تاشقىرى» بولىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلغان. ئادەمنىڭ بىلىشىدە ھېس، سەزگۈ ۋە ئەقىلدىن ئىبارەت ئۈچ خىل شەكىل بولىدۇ، ئەقىل ئەڭ ئالىي قائىدە ئۈستىگە قۇرۇلغان. تەپەككۇر قابىلىيىتىدۇر. ھېس بىلەن سەزگۈ «ھادىسە» نى بىلىشكە تەۋە بولۇپ، بۇ ئىككى خىل بىلىش شەكلى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان پەننىي بىلىم پۈت تىرەپ تۇرالايدۇ. ئەمما «ئەقىل»، «ئۆز» نى ئوبيېكت قىلىدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ بىلىمى چەكلىك بولۇپ، «ئۆزىدىكى نەرسە» نى بىلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، دۇنيا ئىككى ساھەگە بۆلۈنىدۇ: ئۇنىڭ بىرى «ھادىسە» دۇنياسى بولۇپ، سەۋەبىيەت قانۇنىيىتى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ، يەنى «بۇ دۇنيا» دۇر. بۇ دۇنيادىكى ھەممە نەرسە زۆرۈرىيەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ھېس ۋە سەزگۈ بىلەن بىلگىلى بولىدىغان پەننىي بىلىم ساھەسىدۇر. يەنە بىرى ئاتالمىش «ئۆز» دۇنياسى بولۇپ، ئەركىنلىك قانۇنىيىتى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ، يەنى «ئۇ دۇنيا» دىن ئىبارەت بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئەقلىي بىلىشى يېتەلمەيدۇ، بەلكى پەقەت ئېتىقاد قىلىشقىلا بولىدىغان ئەخلاق ياكى ئىرادە ساھەسىدۇر، دەپ قارىغان. خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چوقۇم قىياس قىلىش لازىم، شۇنداق قىلغاندىلا زۆرۈرىيەت بىلەن ئەركىنلىكنى كېلىشتۈرۈپ، ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئەخلاقىنى ئورۇنداش تەبىئىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، دەپ جاكارلىغان. ئىجتىمائىي سىياسىي كۆز قاراش جەھەتتە، ئۇ روسسونىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان بولۇپ، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، فرانسىيە ئىنقىلابىغا ھېسداشلىق بىلدۈرگەن. گەرچە رېئال جەمئىيەتتىن نارازى بولسىمۇ، ئەمما جەمئىيەتنى زورلۇق ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە قەتئىي قارشى تۇرغان. تەسەۋۋۇر قىلغان ئەركىن، باراۋەر جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى، يەنى«غايىۋى جەننەت»، پەقەتلا كۆز يەتسىمۇ قول يەتمەيدىغان ساپ غايىدىن ئىبارەت بولۇپ، پەقەت يىراق «ئۇ دۇنيا» دىلا ئىشقا ئاشىدۇ، دەپ قارىغان. يەنە «ساپ ئەقىل تەنقىدى»، «ئەمەلىيەت ئەقىل تەنقىدى»، «ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى توغرىسىدا تەنقىد»، «مەڭگۈلۈك تىنچلىق توغرىسىدا»، «ئەخلاق مېتافىزىكىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

كانتخارا

  • كانتخارا[يەشمىسى:]» (Kanhtxapa) ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ھازىرقى كالىمانتان ئارىلىنىڭ غەربىدىكى سامباس رايونى (Sambas) غا جايلاشقان. ⅩⅥئەسىردە بانجېرماسىن دۆلىتىگە بېقىندا بولغان. ⅩⅦ ئەسىردە مۇستەقىل بولغان. جەنۇبتىكى سۇكادانا (Sukadana) دۆلىتى بىلەن داۋاملىق ئۇرۇش قىلغان ھەمدە سوكادانا تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.

كانتودىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى

  • كانتودىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى[يەشمىسى:]» ياپونىيىنىڭ كانتو رايونىدىكى قاتتىق يەر تەۋرەش. 1923-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 11 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن. تەۋرەش مەنبەسى ساگامى قولتۇقىنىڭ غەربىي شىمال قىسمى28 كىلومېتر چوڭقۇرلۇقتىكى جاي بولۇپ، تەۋرەش دەرىجىسى 9.7 بال، ئەڭ يۇقىرى تەۋرەش سۈرئىتى 7 بولغان. يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايون بىر مەركىزىي شەھەر، توققۇز ناھىيە (كانتو رايونى ۋە ياماناشى، شىزۇكا قاتارلىق ناھىيىلەر). ئۆلگەن ھەمدە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەر 140 مىڭ كىشى، 570 مىڭ ئائىلىنىڭ ئۆيى ۋەيران بولغان ياكى يېرىم ۋەيران بولغان. تەخمىنەن 6 مىليارد 5 يۈز مىليون ياپونىيە يىنى ئىقتىسادىي زىيان بولغان. يەر تەۋرەشتىن كېيىن جايلاردا ئوت ئاپىتى بولۇپ، 440 مىڭ ئائىلىنىڭ ئۆيى كۆيۈپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە توكيودا ئۇدا ئۈچ كۈن زور ئوت ئاپىتى بولغان. كۆيۈش دائىرىسى 3830 گېكتار بولۇپ، ئوتنىڭ يېيىلىش سۈرئىتى سائىتىگە 18 — 820 مېتر بولغان، يوكوخامادا كۆيۈش كۆلىمى 950 گېكتار بولۇپ، بۇ ئومۇمىي ئۆي-جاي كۆلىمىنىڭ %75 تىنى ئىگىلەيدۇ. يوكوسۇكادا 2220 كورپۇس ئۆي كۆيۈپ كەتكەن؛ ئۇداۋارا (تەۋرەش مەنبەسى رايونى) دا 4199 كورپۇس ئۆي كۆيۈپ كەتكەن. يەر تەۋرىگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى كۈنى قۇرۇلغان ياماموتو گوننوھيوئې كابىنېتى بىر تەرەپتىن «مالىيە ساھەسىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشى» نىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگەن نام بىلەن، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، چوڭ كاپىتالىستلارنى قۇتقۇزسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئارمىيە، ساقچى ۋە لۈكچەكلەرنىڭ ئىنقىلابىي ئىشچىلارنى ۋە چاۋشيەن مۇھاجىرلىرىنى قىرغىن قىلىشىغا يول قويۇپ، كىشىنى چۆچىتىدىغان ئاق تېررورلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. «كامېدو ۋەقەسى» ۋە «ئاماكاسۇ ۋەقەسى» گە قارالسۇن.

كانتېمىر

  • كانتېمىر[يەشمىسى:]»(Антиох Дмитриевич Кантемир، 1708 — 1744)، روسىيىلىك ساتىرىك يازغۇچى، دىپلومات. مولداۋىيە كىنەزىنىڭ ئەۋلادى. پيوترⅠ نىڭ ئىسلاھاتىنى ھىمايە قىلغان. 1732 — 1744-يىللاردا ئەنگلىيىدە ۋە فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. توققۇز پارچە ھەجۋىي شېئىر ۋە بىر قانچە پارچە مەسەل يېزىپ، ئاقسۆڭەكلەر ۋە دىننىڭ زالىملىقى، نادانلىقىنى مازاق قىلغان. فونتېنېللې (Le Bovier de Fontenelle، 1657 — 1757) نىڭ «ئالەمنىڭ كۆپ مەنبەلىكى توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىنى تەرجىمە قىلغان ھەمدە ئۇنى ئىزاھلىغان. يەنە «تەبىئەت ۋە ئىنسانىيەت توغرىسىدا» دېگەن ئىلمىي ماقالىنى يېزىپ، پەلسەپە مەسىلىلىرىنى ماتېرىيالىزملىق چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئۇ روسىيە كلاسسىتىزمىنىڭ ئىجادچىلىرىدىن بىرىدۇر.

كاندارى دۆلىتى

  • كاندارى دۆلىتى[يەشمىسى:]»(Kandari) ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. سۇماتېر ئارىلىغا جايلاشقان. بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋە Ⅵ ئەسىردە جۇڭگوغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرى مالايۈ دۆلىتى گۈللىنىپ، كاندارى دۆلىتى تارىخىي كىتابلاردا ئىزى قالمىغان.

كاندى پادىشاھلىقى

  • كاندى پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]»سەيلون (ھازىرقى سىرىلانكا) نىڭ ئوتتۇرا قىسىم تاغلىق رايونىدىكى سانگالو مىللىتىنىڭ دۆلىتى. پايتەختى كاندى (Kandy) بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. تەخمىنەن 1480-يىلى كوتتې پادىشاھلىقىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولغان. ⅩⅥ ئەسىردە پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئىشغال قىلىۋالغان. 1592-يىلى ھەربىي ئاقسۆڭەك كونناپۇ باندارى (Konnapu. Bandara ؟ — 1604) پادىشاھلىق تەختىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنى ۋىمالا دارما سۇريا (Vimala Dharma Surya) دەپ ئاتاپ، مۇستەقىللىك ئېلان قىلىپ، يېڭى كاندى پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 1594-يىلى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قەستىنى بىرقانچە قېتىم تارمار قىلغان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا گوللاندىيىلىكلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى تۇرغان. كېيىن يەنە گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىپ، مۇستەقىللىكىنى ساقلىغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئەنگلىيە گوللاندىيىنىڭ سەيلوندىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئىگىلىگەن. كاندى 1815-يىلى ئەنگلىيە قوشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، پادىشاھلىق يىمىرىلگەن.

كانزىتھا

  • كانزىتھا[يەشمىسى:]»(Kyanzittha، تەخمىنەن 1042 — 1112) بىرما پاگان خاندانلىقى پادىشاھى (1084 — 1112). ئاناۋراتانىڭ ئوغلى. ياش ۋاقتىدا ئاتىسىغا ئەگىشىپ، ئۇرۇشقا چىقىپ، خىزمەت كۆرسەتكەن. كېيىن خەلق ئارىسىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، ئاناۋراتا ئۆلگەندىن كېيىن جەنۇبتىكى بويسۇندۇرۇلغان مونلار قوزغىلىپ قارشى چىققان، بىرما پادىش-اھى ساۋالۇ (Sawlu، 1077 — 1084) مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇ، ئەسكەر تارتىپ چىقىپ مونلارنىڭ ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 1084-يىلى پادىشاھلىق تەختگە چىققان. تەختتە بولغان مەزگىلدە، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىغان؛ دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتكەن. بۇددىزمنى داۋاملىق ئۇلۇغلاپ، 1090-يىلى مەشھۇر ئاناندا ئىبادەتخانىسى سالدۇرغان. 1106-يىلى(سۇڭ سۇلالىسى چوڭنىڭ 5-يىلى) جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتىپ دوستلۇق ئالاقە ئورناتقان.

كانساس-نېبراسكا قانۇنى

  • كانساس-نېبراسكا قانۇنى[يەشمىسى:]» ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ يېڭى ئېچىلغان رايونلارغا كېڭىيىشىنى چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان قانۇنى. 1854-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ماقۇللانغان. كانساس (Kansas) ۋە نېبراسكا(Nebraska) شىمالىي پاراللېل ′30°36 نىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، «مىسسۇرى مۇرەسسە قانۇن لايىھىسى» نىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بۇ رايون ئەركىن شتات سۈپىتىدە ئىتتىپاققا كىرىشى لازىم ئىدى. ئەمما جەنۇبتىكى قۇلدارلار بۇ رايوندا قۇللۇق تۈزۈمنى يولغا قويۇشنى كۈچىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلغان. كېڭەش پالاتاسىنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان ئەزاسى دوگلاس قۇلدارلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە بۇ قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە پارلامېنتنىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشكەن. بۇ قانۇندا كانساس ۋە نېبراسكىنىڭ قۇللۇق شتات ياكى ئەركىن شتات بولۇشىنى شۇ يەردىكى ئاھالىنىڭ ئۆزى بەلگىلەيدىغانلىقى؛ «1850-يىلدىكى مۇرەسسە قانۇن لايىھىسى» نىڭ پرىنسىپلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قۇللۇق تۈزۈمنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ھېچقانداق رايون چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقى؛ بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى ئېچىلغان رايونلاردا قانداق تۈزۈمنى يولغا قويۇشنى شۇ جايدىكى زور كۆپچىلىك ئاھالىنىڭ ئاۋاز بېرىپ بەلگىلەيدىغانلىقى، بۇنىڭ «پۇقرالارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن-قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ شىمالىي قىسىم ۋە غەربىي قىسىمغا كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ ئەركىنلىك پارتىيىسىنى پارچىلىغان. بۇ قانۇنغا قارشى كىشىلەر، 1854-يىلى 7-ئايدا يېڭىدىن قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە كىرگەن. بۇ قانۇن كاپىتالىزم بىلەن قۇللۇق تۈزۈم ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا كانساس ئىچكى ئۇرۇشى پارتلىغان.

كانساس ئىچكى ئۇرۇشى

  • كانساس ئىچكى ئۇرۇشى[يەشمىسى:]» 1854 — 1856-يىللاردا ئامېرىكىدىكى ئەركىن تۇپراق پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ قۇلدارلار بىلەن قىلغان ئۇرۇشى. «كانساس-نېبراسكا قانۇنى» ماقۇللانغاندىن كېيىن، قۇلدارلار كانساسقا قۇللارنى كۆچۈرۈپ، بۇ شتاتنى قۇللۇق شتاتقا ئايلاندۇرغان ھەمدە نېبراسكىنى ئەركىن تۇپراق پارتىيىسىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئەمما ئەركىن تۇپراق پارتىيىسى ئۇنى رەت قىلغان ھەمدە «كۆچمەنلەرگە ياردەم بېرىش جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، كانساسقا ئاھالە كۆچۈرگەن. 1854-يىلى 10-ئايدا ئۇرۇش پارتلاپ، ھەر ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. 1856-يىلى 11-ئايدا ئۇرۇش ۋاقىتلىق توختىتىلغان. بۇ، قۇلدارلار بىلەن قۇلدارلارغا قارشى كۈچلەر ئارىسىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئاشكارا قوراللىق كۈچ سىنىشىش بولۇپ، بەزىلەر ئۇنى شىمال-جەنۇب ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قارايدۇ.

كاننې جېڭى

  • كاننې جېڭى[يەشمىسى:]» ئىككىنچى قېتىملىق پۇنى ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى مۇھىم جەڭ. مىلادىدىن 216 يىل ئىلگىرى، يازدا، كارفاگېننىڭ باش قوماندانى گاننىبال تەخمىنەن 40 مىڭ كىشىلىك پىيادە ئەسكەر ۋە 10 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق ئەسكەرنى، رىمنىڭ كونسۇلى پائۇل (Aemilius Paulus) ب-ىلەن ۋاررو(Varro) لار تەخمىنەن 80 مىڭ كىشىلىك پىيادە ئەسكەر ۋە 6 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق ئەسكىرىنى باشلاپ كېلىپ، ئىككى تەرەپ ئىتالىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاپولىيىنىڭ تەۋەسىدىكى ئائۇفىدۇس (Aufidus، ھازىرقى ئوفانتو[يەشمىسى:]»[Ofanto] دەرياسى)دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى كانائى (Cannae) دېگەم جايدا جەڭ قىلغان. گاننىبال پىيادە ئەسكەرلىرىنى ھىلال ئاي شەكلىدە تىزىپ، ئاجىزراق ئەسكەرلىرىنى ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىللانغان ئەسكەرلىرىنى ئىككى يانغا قويغان، ئاندىن كېيىن ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى ئىككى قانىتىغا تىزغان. جەڭ باشلىنىش بىلەنلا رىم پىيادە ئەسكەرلىرى كارفاگېن ئارمىيىسىنىڭ مەركىزىگە بۆسۈپ كىرگەن، كارفاگېننىڭ ئاجىز ئەسكەرلىرى چېكىنىپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككى تەرەپتىكى ئەسكەرلەر ئۇلارنى قورشاپ ئالدىغا ئىلگىرىلەپ، قارىمۇقارشى بولغان ھىلال ئاي شەكىل ھاسىل قىلغان، ئاتلىق ئەسكەرلىرىمۇ قوشۇننىڭ ئىككى قانىتىدىن چىقىپ، رىم ئاتلىق ئەسكەرلىرىگە زەربە بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن زىچ بولغان مۇھاسىرە چەمبىرىكى ھاسىل قىلغان. قاتمۇقات مۇھاسىرە ئىچىدە قالغان رىم ئارمىيىسى جەڭگىۋارلىق ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىنغان، نەتىجىدە رىم ئارمىيىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆلگەن، پائۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون مىڭدىن كۆپرەك ئادىمى ئەسىرگە چۈشكەن؛ گاننىبال تەخمىنەن 6 مىڭدەك ئادىمىدىن ئايرىلغان. كاننې جېڭى ھەربىي ئىشلار تارىخىدىكى مەشھۇر جەڭ مىسالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كاننىڭ

  • كاننىڭ[يەشمىسى:]» (George Canning، 1770 — 1827) ئەنگلىيە باش مىنىستىرى (1827-يىلى). تۆرى پارتىيىسىدىن. 1791-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1793-يىلى تۆۋەن پالاتانىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1796 — 1799-يىللىرى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1807 — 1809-يىللىرى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. ۋېنا يىغىنىدىن كېيىن ئەنگلىيىنىڭ ياۋروپاغا قارىتا زوراۋانلىق قىلىش ھوقۇقىنى تىكلەش ۋە لاتىن ئامېرىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى بازارلارنى قولغا كەلتۈرۈش كويىدا بولغان. مۇقەددەس ئىتتىپاقنىڭ سىياسىتىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1816 — 1821-يىللىرى ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى نازارەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1822 — 1827-يىللىرى يەنە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. ئەنگلىيىنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىدىكى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، گرېتسىيىنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنى قوللىغان.

كانوسسا

  • كانوسسا[يەشمىسى:]» ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى قەدىمكى قەلئە. ئۇنىڭ خارابىسى بۈگۈنكى ئېمىلىيە (Emilia) چېگرىسى ئىچىدىكى رېگگىئو (Reggco) يېنىدىكى كانوسسا (Canossa)كەنتىدە. 1076-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى ھېنرى Ⅳ پاپا گرىگورىي Ⅶ بىلەن ئېپىسكوپلۇققا قويۇش ھوقۇقىنى تالاشقانلىقتىن، گرىگورىي Ⅶ ھېنرى Ⅳ نى دىنىي تەۋەلىكتىن قوغلاپ چىقىرىپ، پادىشاھلىق ئورنىنى بىكار قىلىۋەتكەن. 1077-يىلى 1-ئايدا، ھېنرى Ⅳ پاپا تۇرۇشلۇق جاي كانوسساغا كېلىپ، پاپادىن گۇناھىنى تىلىگەن. خاتىرىلەردە يېزىلىشىچە، ھېنرى Ⅳ گۇناھ كىيىمىنى كىيىپ، ئۈچ كۈنگىچە شەھەر قوۋۇقى ئالدىدا يالۋۇرغاندىن كېيىن ئاندىن پاپانىڭ قوبۇلىغا ئېرىشكەن. كېيىنكى چاغلاردا «كانوسساغا بېرىش» دېگەن ئىبارە «تىزلىنىپ تەسلىم بولۇش» دېگەن ئىبارە بىلەن مەنىداش سۆز بولۇپ قالغان

كانۇدوس دېھقانلار ئۇرۇشى

  • كانۇدوس دېھقانلار ئۇرۇشى[يەشمىسى:]» لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا بولغان ئاتاقلىق دېھقانلار قوراللىق قوزغىلاڭلىرىنىڭ بىرى. برازىلىيە تارىخىدىكى ئەڭ زور بىر قېتىملىق دېھقانلار ئۇرۇشى. 1896-يىلى 11-ئايدا، برازىلىيىنىڭ شەرقىدىكى بائىيە (Baia) شتاتىنىڭ كانۇدوس ( Canudos) رايونىدا پارتلىغان. رەھبىرى ماسئېل (Vicente Mendes Maciel Antonio، 1828 — 1897). ئۇرۇش جەريانىدا دېھقانلار قوشۇنى ئۆزلىرى زاۋۇت قۇرۇپ، ئوق-دورا، قورال-ياراق ياساپ، پارتىزانلىق تاكتىكىسىنى كەڭ كۆلەمدە قوللانغان. بېسىۋالغان رايونلاردا يەر، چارۋا-مال قاتارلىق مۈلۈكلەرگە قارىتا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويغان. دېھقانلار قوشۇنى ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ئۈچ قېتىملىق ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلغان. 1817-يىلى 6-ئايدا ھۆكۈمەت مۇنتىزىم ئارمىيىنى ئەۋەتىپ قورشاپ يوقىتىش ئېلىپ بارغاندا، دېھقانلار قوشۇنى باتۇرلارچە كۈرەش قىلغان. لېكىن كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا ئاسمان-زېمىن پەرق بولغانلىقتىن، قوزغىلاڭ ئاخىرى مەغلۇپ بولغان.

كانۋا خاندانلىقى

  • كانۋا خاندانلىقى[يەشمىسى:]» قەدىمكى ھىندىستان ماگادا دۆلىتى خاندانلىقى. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 75-يىلى سۇنگا (Sunga) خاندانلىقىنىڭ براخمان ۋەزىرى ۋاسۇدېۋا(Vasudeva، كانۋا [Kanva]مىللىتىدىن) پادىشاھ دېۋابۇمى (Devanhumi) نى قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى خان بولۇۋېلىپ كانۋا خاندانلىقىنى قۇرغان. ئىلگىرى-كېيىن تۆت پادىشاھ ئۆتكەن. ماگادا دۆلىتىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى كۈنسېرى ئاجىزلىغان، مىلادىدىن 30-يىل ئىلگىرى جەنۇبىي ھىندىستاندىكى ئاندرا(Andhra) دۆلىتى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.

كانېم-بورنۇ پادىشاھلىقى-

  • كانېم-بورنۇ پادىشاھلىقى-[يەشمىسى:]» يەنى «بورنۇ پادىشاھلىقى».

كانىشكا

  • كانىشكا[يەشمىسى:]»(Kaniska ياكى Kanish ka) كۇشان پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادى 78 — 101-ياكى 102-يىللىرى). پادىشاھ ۋىما كادپىسېسدىن كېيىنلا كۇشان پادىشاھلىقىنىڭ زېمىنىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن كېڭەيتىپ، شىمالدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپلىرىدىن باشلىنىپ جەنۇبتا ۋىندخىيە تاغ تىزمىلىرىغىچە سوزۇلغان بىپايان زېمىنگە ئىگە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندى يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىغىچە بولغان چوڭ دۆلەت قۇرغان؛ پايتەختى پۇرشاپۇرا(Pursapura، ھازىرقى پاكىستاننىڭ پىشاۋار دېگەن رايونى). ئىچكى قىسىمدىكى تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرگە قارىتا يول قويۇش ۋە قوغداش سىياسىتى يۈرگۈزگەن. شۇڭا، مەشھۇر قەندىھار مەدەنىيىتى تازا روناق تاپقان. بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، ماھايانا بۇددا نوملىرىنى تۈزدۈرگەن. تۆتىنچى قېتىملىق بۇددا يىغىلىشىنى ئۆتكۈزگەن، نۇرغۇنلىغان راھىبلارنى چەت ئەلگە دىن تارقىتىشقا ئەۋەتكەن. ھۆكۈمرانلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرى دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ خەلق قوزغىلىڭىدا ئۆلتۈرۈلگەن.

كانيا كۇبجا

  • كانيا كۇبجا[يەشمىسى:]»(Kanya Kubja) مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ھىندىستان خارشا (Harsha Vardhana) ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى. «ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى» دا ئۇچرايدۇ. ھازىرقى گانگ دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى كانائۇج (Kanauj). تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شۇەنزاڭ ھىندىستاننى زىيارەت قىلغاندا، بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى كۆپ، ئاۋات ۋە باي ئىكەنلىكىنى كۆرگەن. Ⅺ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەزنەۋىلەر سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى مەھمۇد تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە ۋەيران قىلىنغان.

كائۇتىسكى

  • كائۇتىسكى[يەشمىسى:]» (Karl Kautsky)(1854 — 1938) گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى، «بىتەرەپ گۈرۇھ» نىڭ ۋەكىلى. پراگادا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1874-يىلى ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە ئۆگەنگەن. ئىككىنچى يىلى ئاۋسترىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1877-يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1881-يىلى لوندوندا ماركس، ئېنگېلس بىلەن تونۇشۇپ، ماركسىزمنى تەشۋىق قىلىدىغان ۋە چۈشەندۈرىدىغان ئەسەرلەرنى يازغان. 1883 — 1917-يىللىرى پارتىيىنىڭ نەزەرىيە ژۇرنىلى-«يېڭى دەۋر» نىڭ باش تەھرىرى بولغان. 1891-يىلى پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنىغا سايلىنىپ، «ئېرفۇرت پروگراممىسى» نى تەييارلاشقا مەسئۇل بولغان، بۇ پروگراممىدا پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى تۈپ ۋەزىپىلەردىن ئېغىز ئاچمىغان. كۆپ قېتىم گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە ۋەكالىتەن ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. بېرنىشتېيىن رىۋېزىئونىزمىغا قارشى كۈرەشتە دائىم ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا ئاغمىچىلار تەرەپتە تۇرغان. 1900-يىلى 10-ئايدا، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ پارىژ قۇرۇلتىيىدا ئىككى بىسلىق پوزىتسىيە بىلەن، مىللېراننىڭ كابىنېتقا كىرىش جىنايىتىنى ئاقلاپ، ئىنتېرناتسىئونالدىكى يوشۇرۇن ئاغمىچى گۇرۇھ — «بىتەرەپ گۇرۇھ» نىڭ باشلىقى بولۇپ قالغان. 1914-يىلى 8-ئايدا، «جاھانگىرلىكتىن خالى بولۇش» نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مونوپول كاپىتالىزمنىڭ ماھىيىتى ۋە زىددىيىتىنى يوشۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۆز دۆلىتى ھۆكۈمىتىنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشىنى قوللاپ، چۈشكۈنلىشىپ سوتسىيال شوۋىنىزمچىغا ئايلىنىپ كەتكەن. 1917-يىلى گېرمانىيە مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1918-يىلى «پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى» دېگەن كىتابنى ئېلان قىلىپ، ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرغان. لېنىن «پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە خائىن كائۇتىسكى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە، ئۇنى ئۇزۇل-كېسىل تەنقىد قىلغان. 1918-يىلى گېرمانىيە نويابر ئىنقىلابىدىن كېيىن، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ئوڭچى باشلىقلىرىدىن تەشكىل تاپقان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. 1924-يىلى ۋېنادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. كېيىن يەنە ئامىستېردامغا كۆچۈپ بارغان.

كائۇتىسكىزم

  • كائۇتىسكىزم[يەشمىسى:]» ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالدا«بىتەرەپ گۇرۇھ» شەكلى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان رىۋېزىئونىزملىق پىكىر ئېقىمى بولۇپ، ئاساسلىق ۋەكىلى كائۇتىسكىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئۇ سىنىپتىن خالى دۆلەت قارىشىنى تەرغىپ قىلىپ، پرولېتارىياتنىڭ زورلۇق ئىنقىلابىي ئارقىلىق بۇرژۇئا دۆلەت ماشىنىسىنى پاچاقلاپ تاشلىشىغا قارشى تۇرغان. كاپىتالىستىك دېموكراتىيە تۈزۈمى شارائىتىدا، «سىنىپىي توقۇنۇشنى ھەل قىلىدىغان قوراللىق كۈرەشنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئىمكانىيىتى يوق» دەپ ھېسابلاپ، پرولېتارىيات پارلامېنتتا كۆپ ئاۋازغا ئىگە بولۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق، سوتسىيالىزمغا «تىنچلىق بىلەن» ئۆتۈشنى تەرغىپ قىلغان. «جاھانگىرلىكتىن خالى بولۇش نەزەرىيىسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كاپىتالىزم «جاھانگىرلىكتىن خالى بولۇش باسقۇچى» نى باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇ باسقۇچقا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ پۇل مۇئامىلە كاپىتالى بىرلىشىپ، دۇنيانى بىللە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جاھانگىر دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بىكار قىلىنىدۇ-دە، ئۇزاققا سوزۇلغان تىنچلىقنىڭ «يېڭى ئەسىرى» باشلىنىدۇ، دەپ قارىغان.«ساپ دېموكراتىيە» ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ «ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھرىبانلىق» دېگىنىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا ھۇجۇم قىلغان. كائۇتىسكىچىلار «بىتەرەپ گۇرۇھ» دېگەن ئىككى يۈزلىمە ۋاسىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئېغىزدا ماركسىزمغا سادىق بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئاغمىچىلىقنى قوغدىغانلىقتىن، تېخىمۇ زور ئالدامچىلىققا ئىگە بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىدە ئىنقىلابقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئەڭ خەۋپلىك پىكىر ئېقىمى بولۇپ قالغان. لېنىن «جاھانگىرلىك كاپىتالىزمنىڭ يۇقىرى باسقۇچى»، «پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە خائىن كائۇتىسكى» دېگەن ئەسەرلىرىدە كائۇتىسكىچىلىقنى كۈچلۈك تەنقىد قىلغان.

كائۇدىللو

  • كائۇدىللو[يەشمىسى:]» ئىسپانچە Caudillo نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئەسلىدە «يەرلىك ھەربىي باشلىق» دېگەن مەنىدە، كېيىن «مۇستەبىت» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن. لاتىن ئامېرىكىسىدا ھاكىمىيەتنى زورلۇق كۈچ بىلەن قولغا كەلتۈرگەن ھەمدە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى زورلۇق كۈچىنىڭ ياردىمى بىلەن ساقلاپ قالغانلار «ھەربىي كائۇدىللو» دەپ ئاتالغان. كائۇدىللو لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەڭ ئەكسىيەتچىل كۈچلەرگە ۋەكىللىك قىلىپ، چوڭ قورۇق ئىگىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى مونوپولىيىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەكمۇ قويۇق بولغان. ئارگېنتىنادىكى روساس، مېكسىكىدىكى دىياس، دومىنىكادىكى ترۇجىللو قاتارلىقلار لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مەشھۇر كائۇدىللولار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كائۇنتىس

  • كائۇنتىس[يەشمىسى:]» (Wenzel Anton Kaunitz Rietberg Von، 1711 — 1794) ئاۋسترىيىنىڭ باش ۋەزىرى(1753 — 1792). 1742 — 1744-يىللىرى تۇرنىدا تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1750 — 1753-يىللىرى فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. باش ۋەزىر بولغاندا، «تەرەققىيپەرۋەر پادىشاھلىق تۈزۈم» ۋە ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن تۈزۈمنى قوللىغانلىقتىن، مارىيە تېرېسانىڭ ئىشەنچسىگە ئېرىشىپ، ئەمەلىي ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا تۇتقان. سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. 1756-يىلى 5-ئايدا فرانسىيە-ئاۋسترىيە ھۇجۇم-مۇداپىئە ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، پرۇسسىيىگە قارشى تۇرغان. يەتتە يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە، ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ، فرانسىيە، روسىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، پرۇسسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن.جوسېف Ⅱ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سىياسىي تەسىرى بارغانسېرى تارىيىپ بارغان. 1790-يىلى لېئوپولد Ⅱبىلەن پرۇسسىيە تۈزگەن «رېسېنباخ كېلىشىمى» گە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان. 1792-يىلى فرانس Ⅱ نىڭ پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزگەنلىكى سەۋەبى بىلەن ئىستېپا بەرگەن.

كاۋا Kava

  • كاۋا Kava[يەشمىسى:]»نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. كاۋا قارىمۇچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قارىمۇچ ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈك نامى. فىجىلىقلار كاۋا دەرىخىنىڭ يىلتىزىدىن ئىچىملىك ياساپ ئىچىدۇ ۋە ئۇنى «ياكونا» (Yaqona) دەپ ئاتايدۇ. ئومۇمەن تۇغۇت، ئۆلۈم، توي، نىكاھ ۋە مېھمان كۈتۈش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە «ياكونا» ئىچىپ تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭدا كاۋا ھارىقى ئىچىلىدۇ، ھەمىشە ئۇسسۇل ئوينىلىدۇ. كاۋا مۇراسىمى فىجى مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، تا بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

كاۋا باتايا سونارى

  • كاۋا باتايا سونارى[يەشمىسى:]»(1899 — 1972) ياپونىيىلىك يازغۇچى. توكيو ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ دۆلەت ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ياش ۋاقتىدا يۈكومىتىسو توشچى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە «ئەدەبىيات-سەنئەت دەۋر» ژۇرنىلىنى چىقارغان. ئۇ يېڭى تۇيغۇچىلار ئېقىمىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى ئىدى. 1933-يىلى تاكېتارىنتارو قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە «ئەدەبىيات ساھەسى» نى چىقارغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تەسىراتچىلىق تۈسىنى ئالغان. تىلى ئاددىي، ئاممىباپ، مەنىۋى مەنزىرى يېڭى بولۇپ، ئۆز ھېسسىياتى ۋە سۇبيېكتىپ تۇيغۇنى تەسۋىرلەشكە ئەھمىيەت بېرەتتى. لېكىن ئىجادىيەت ئىدىيىسى بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغانلىقتىن، پاسسىپ ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى كۆرۈلەتتى. «ئىدودىكى ئۇسسۇلچى قىز»، «ئاساكۇسا كۈتۈەن»، «ھايۋان»، «قارلىق دۆلەت»، «مەشھۇر زاتلار»، «مىڭ تۇرنا»، «تاغ ئاۋازى»، «ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال»، «قەدىمكى شەھەر» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار. 1948-يىلى ياپونىيە ئىجادىيەت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. 1958-يىلى خەلقئارا ئىجادىيەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1961-يىلى مەدەنىيەت مېدالىغا ئېرىشكەن. 1968-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1972- يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. كېيىن «كاۋا باتاياسۇنارى ئەسەرلىرى» دىن 17 توم نەشىر قىلىنغان.

كاۋاجى توشيوشى

  • كاۋاجى توشيوشى[يەشمىسى:]»(1836 — 1879) ياپونىيە ساقچىلىق تۈزۈمىنىڭ ئىجادكارى. ۋۇچېن يىلىدىكى ئۇرۇشتا ھەربىيگە قاتناشقان. 1872-يىلى ياۋروپاغا بېرىپ ساقچىلىق تۈزۈمىنى تەكشۈرگەن. 1874-يىلى ساقچىلىق ھوقۇقى بىلەن ئەدلىيە ھوقۇقىنى ئايرىۋېتىپ، ساقچىلىق-قوغداش مەھكىمىسىنى ئەدلىيە ۋازارىتىدىن ئىچكى ئىشلار ۋازارىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن ھەم توكيو ساقچى نازارىتىنى قۇرۇپ، ساقچى نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان. يەنە چارلاش قائىدىلىرى، چارلاش-تەكشۈرۈش قوللانمىسى، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش نىزاملىرى قاتارلىقلارنى تۈزۈپ چىققان. 1877-يىلى غەرب-جەنۇب ئۇرۇشىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ گېنېرال مايۇرى، قوشۇمچە ساقچى نازىرى سۈپىتىدە، ئالاھىدە لۇيتۈەننى باشلاپ جەڭگە ئاتلانغان. ئۇ، ئوكۇخىرى تورۇنىڭ يېقىن ئادىمى ئىدى. ئىككىنچى يىلى يەنە ياۋروپاغا بېرىپ ساقچىلىق ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن كېسەل بىلەن ئۆلگەن.

كاۋا ئومى

  • كاۋا ئومى[يەشمىسى:]» (774 — 835) ياپونىيىدىكى دارانى مەزھىپىنىڭ پېشۋاسى. سانپو (ھازىرقى كاڭاۋاكىن ناھىيىسى) دا تۇغۇلغان. فامىلىسى ساخاكۇ، ئەركىلەتمە ئىسمى ماگىيۇ. مىلادى 788-يىلى ناگا ئوماكى (ھازىرقى كيوتو) دا ئىلىم تەھسىل قىلغان، 791-يىلى ئىمتىھان بېرىپ داشۆنىڭ مىڭجىڭ كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 797-يىلى داشۆدىن ئايرىلغان. بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 804-يىلى (ياپون كالېندارى بويىچە 23-يىلى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېنيۇەن 20-يىلى) دوڭداسى ئىبادەتخانىسىدا راھىب بولغان. سايتون قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ياپونىيىنىڭ تاڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتكەن ئەلچىسى فوجىۋا كاسىنوجىئۇمى بىلەن جۇڭگوغا كەلگەن. چاڭئەندىكى چىڭلۇڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خۇيگۇ، پراجناترى پىتاكا ۋە مونىشلى تىرى پتاكالارغا شاگىرت بولۇپ مىزۇڭ مەزھىپىنى ئۆگەنگەن؛ خەن فاڭمىڭغا شاگىرت بولۇپ خەتتاتلىقنى تەتقىق قىلغان. 806-يىلى نۇرغۇنلىغان بۇددا نومى ۋە ئەسۋابلىرىنى ئېلىپ ياپونىيىگە قايتىپ كەلگەن. ئىككىنچى يىلى توكيوغا كېلىپ دارانى مەزھىپىنىڭ تەلىماتىنى تارقاتقان. 816-يىلى تاكانوياما تېغىدا كىندابو ئىبادەتخانىسىنى سالدۇرغان. 821-يىلى سانپودا ۋەننۇڭ كۆلىنى ياساشقا نازارەتچىلىك قىلغان. 823-يىلى دوڭسى ئىبادەتخانىسىنى دارانى مەزھىپىنىڭ نەزىر-چىراغ ئورنى قىلغان. 834-يىلى ئوردا ئىچىدىكى جىن گۇاڭمىڭ ئىبادەتخانىسىدا دارانى مەزھىپىنىڭ ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان. ئۇنىڭ «شېئىرىيەت سىرلىرى توغرىسىدا»، «ھەر خىل خەت شەكىللىرىنىڭ نامى» ۋە «كۇڭزىچىلىق، تەرىقەتچىلىك ۋە بۇددا دىنى قىبلىنامىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇنىڭ كىتابلىرى تىننو ماچىيونا، رانىيسىجى بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنغان.

كاۋاللوتتى

  • كاۋاللوتتى[يەشمىسى:]»(Felice Emmanuede Cavallotti، 1842 — 1898) ئىتالىيىلىك سىياسىي ئوبزورچى ۋە ئەدەبىي ئوبزورچى. ياش ۋاقتىدا گارىبالدى (Giuseppe Garibaldi) نىڭ 1860-يىلىدىكى جەنۇبىي ئىتالىيىگە قىلغان يۈرۈشىگە ۋە 1866-يىلىدىكى ئاۋسترىيە بىلەن قىلغان ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1868-يىلى مىلان سول قانات ماززىنىچىلار (Gioseppe Mazzini) نىڭ ئورگان گېزىتى «ئەتىرگۈل ئاخباراتى» نى نەشىر قىلىشقا قاتنىشىپ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. 1873-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىپ، سول قانات جۇمھۇرىيەتچى ئۆكتىچىلىرىنىڭ سەردارى بولغان. كىرىسپى (Francesco Crispi) يۈرگۈزگەن سىياسەتكە كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىپ، ئوڭ قانات سىياسىي رەقىبلىرىنىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كېيىن سىياسىي دۇئېلدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

كاۋتارا دۆلىتى

  • كاۋتارا دۆلىتى[يەشمىسى:]»(Kauthara) چامپا شەھىرىگە قاراشلىق رايونلارنىڭ بىرى. بۈگۈنكى ۋيېتنامنىڭ چىڭ خې رايونىدا، ياجۇاڭدىكى چامبالىقلارنىڭ نامى قىلىنغان. 

كاۋكامىخاجىمې

  • كاۋكامىخاجىمې[يەشمىسى:]»(1879 —1946) ياپونىيىلىك ئىقتىسادشۇناس. تۆرىلەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. توكيو ئىمپېرىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1908-يىلدىن باشلاپ، توكيو ئىمپېرىيە داشۆسى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ مۇئەللىمى بولغان. 1915-يىلى پروفېسسورلۇققا ئۆستۈرۈلۈپ، ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق تارىخىدىن دەرس ئۆتكەن. «ئىجىمائىي مەسىلە تەتقىقاتى توغرىسىدا» ناملىق ژۇرنالنى تەسىس قىلىپ، ئىقتىسادشۇناسلىققا دائىر كۆپلىگەن مۇھىم ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. 1928-يىلى ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1929-يىلى ئويامايۇبو قاتارلىقلار بىلەن بىللە يېڭى دېھقانلار پارتىيىسىنى قايتىدىن قۇرغان. 1932-يىلى ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1933-يىلى قولغا ئېلىنغان. 1937-يىلى تۈرمىدىن چىققان. كېيىن پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ «تەرجىمىھال» نى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراش توغرىسىدا تەتقىقات»، «ئىقتىسادشۇناسلىق توغرىسىدا ئومۇمىي پروگرامما»، «ماركسىزملىق ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى» قاتارلىقلار بار. كېيىن ئون ئىككى توملۇق «كاۋكامىخاجىمې ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

كاۋۇر

  • كاۋۇر[يەشمىسى:]»(Camillo Benso Cavour، 1810 — 1861) ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى (1852 — 1859، 1860 — 1861)، ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى (1861). ئىتالىيە لىبېرال ئاقسۆڭەكلىرى ۋە بۇرژۇئا پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلارنىڭ داھىيسى. گراف ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1829-يىلى تۇرىن ھەربىي ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. شاھزادە — كالىنىيىنو (تەختكە چىققاندىن كېيىن پادىشاھ ئالبېرت دەپ ئاتالغان) نىڭ خاس نۆكىرى بولغان. سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشىمىغانلىقتىن، شاھزادە تەختكە ئولتۇرغاندا، ئىستېپا بېرىپ چەت ئەلگە تەكشۈرۈشكە چىقىپ كەتكەن. 1847-يىلى «ئويغىنىش گېزىتى» نى نەشىر قىلىپ، مونارخىيىلىك ئاساسىي قانۇنچىلارنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىپ، ساردىنىيە پادىشاھلىقى ساۋويىيە (Savoia) خاندانلىقىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەربىي دىپلوماتىك پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئىتالىيىنى يۇقىرىدىن-تۆۋەنگە بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەرغىپ قىلغان. ئىككىنچى يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1850 — 1852-يىللىرى ساردىنىيە پادىشاھلىقى دېھقانچىلىق سودا مىنىستىرى ۋە مالىيە مىنىستىرى بولغان. 1852-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ ئۇزاققىچە باش ۋەزىر (1859-يىلى بىر مەزگىل ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن باشقا) بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە پېمونتې (Piemonte) نىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىغا قارىتا بۇرژۇئا ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان، ئەركىن سودىنى تەشەببۇس قىلىپ، چېگرا بېجىنى ئىسلاھ قىلغان. بانكا كەسپىنى رىغبەتلەندۈرگەن، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغان، چېركاۋنى ئىسلاھ قىلغان، ۋەھاكازالار. بۇنىڭ بىلەن پېمونتې كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن خەلق ئاممىسى ۋە ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەردىن ئەندىشە قىلىپ، خاندانلىقنىڭ دىپلوماتىك سۇيىقەستلىك ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، سىرتنىڭ كۈچىگە تايىنىپ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كويىدا بولغان. 1855-يىلى قوشۇن ئەۋەتىپ قىرىم ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ غەلىبە قىلغان. 1858-يىلى فرانسىيە بىلەن ئاۋسترىيىگە قارشى ھەربىي ئىتتىپاق تۈزگەن. 1859-يىلى ساردىنىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشنى قوزغاپ، لومباردىيىنى قايتۇرۇۋالغان. لېكىن ساۋويىيە بىلەن نىتسا (Ницца) نى فرانسىيىگە بۆلۈپ بېرىپ، ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1860-يىلى 1-ئايدا باش ۋەزىرلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ئۇ مەملىكەت ئىچىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنىڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈش ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ، پارما، مودېنا، توسكانا، رومىنىيە (Романья) قاتارلىق جايلارنى ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋالغان ھەمدە گارىبالدى رەھبەرلىكىدىكى قىزىل كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنى ئازاد قىلغان سىتسىلىيە ئارىلى بىلەن نېئاپولنىڭ ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1861-يىلى 3-ئايدا ئىتالىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان، 6-ئايدا كېسەل بىلەن ئۆلگەن.

كاۋىنياك

  • كاۋىنياك[يەشمىسى:]»(Louis Eugene Cavaignac، 1802 — 1857) فرانسىيىلىك ھەربىي. كىچىك چېغىدا پارىژ ئۇنىۋېرسال تېخنىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئارمىيىگە قاتناشقاندىن كېيىن يۇنان ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1832-يىلى ئالجىرىيىگە ئەۋەتىلىپ مۇستەملىكىلەرنى بويسۇندۇرۇش جەھەتتە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، 1844-يىلى گېنېرال برىگادىرلىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1848-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن ئالجىرىيىگە باش ۋالىي بولغان، 4-ئايدا مىللىي پارلامېنتىغا سايلانغان، 5-ئايدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. ئىيۇن قوزغىلىڭى ۋاقتىدا مىللىي پارلامېنت بەرگەن ئىستىبداتلىق ھوقۇققا بىنائەن ئىشچىلار قوزغىلىڭىنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرغان. شۇنىڭ بىلەن «ئىيۇن جاللىتى» دەپ ئاتالغان. 6-ئاينىڭ 28-كۈنى فرانسىيىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەمۇرىي ئەمەلدارى بولۇپ، ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ، ھەربىي ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويغان. شۇ يىلى 12-ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا لۇئى بۇناپارت تەرىپىدىن يېڭىلگەن. كېيىن بۇناپارت ھۆكۈمىتىدىكى ئۆكتىچىلەردىن بولۇپ قالغان. 1851-يىلى بىر مەزگىل قولغا ئېلىنغان. كېيىنكى يىلى قانۇن تۇرغۇزۇش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. لېكىن يېڭى پادىشاھقا سادىق بولۇش توغرىسىدا قەسەم بېرىشنى رەت قىلغانلىقتىن، سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان. ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرى ۋە خەت-ئالاقىلەر توپلىمى بار.

كائېرونا جېڭى

  • كائېرونا جېڭى[يەشمىسى:]»ماكېدونىيە پادىشالىقى يۇناننى بويسۇندۇرغان ھەل قىلغۇچ جەڭ. مىلادىدىن 338 يىل ئىلگىرى ئېئوتىيە (ئوتتۇرا يۇنان) دىكى كائېرونا (Chaeronea) دا بولغان. ماكېدونىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅱقوشۇننى ئوڭ ۋە سول ئىككى قاناتقا بۆلۈپ، ئوڭ قانىتىغا ئۆزى باشچىلىق قىلغان، سول قاناتقا ئۇنىڭ ئوغلى ئالېكساندر (18 ياش) قوماندانلىق قىلغان. ئافىنا بىلەن تېبېس بىرلەشمە ئارمىيىسى دېمۇستېنېس تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئادەم سانى جەھەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرسىمۇ، قوماندانلىق مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن، ئۈنۈملۈك ھالدا ماسلىشالمىغان، نەتىجىدە تېبېسلىقلار ئالېكساندر تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ قىلىنغان؛ فىلىپ دەسلىپىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، كېيىن يۇنانلىقلارنىڭ ئارىسىدىكى بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ تۆت چاسا ئەترەت شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئاخىرىدا غەلىبىگە ئېرىشكەن. يۇنانلىقلارنىڭ مىڭدىن كۆپرەك ئادىمى ئۆلۈپ، يېرىمدىن كۆپرەكى ئەسىرگە چۈشكەن. ئارقىدىنلا، فىلىپ كورىنتۇس يىغىنىنى ئاچقان، شۇنىڭدىن باشلاپ يۇنان ماكېدونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرغان.

كائېسار

  • كائېسار[يەشمىسى:]» (Gaius Julius Caesar، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 100 —44) قەيسەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى رىم سەركەردىسى، سىياسىئونى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپكى يىللاردا پۇقرالار بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىپ، سۇللا تەرەپدارلىرىغا قارشى چىققان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كاتېلىنا سۇيىقەستىگە قاتناشقان. مىلادىدىن 62 يىل ئىلگىرى باش سودىيىلىككە تەيىنلەنگەن، كېيىنكى يىلى ئىسپانىيىگە گوبېرناتور بولۇپ تەيىنلەنگەن. مىلادىدىن 60 يىل ئىلگىرى پومپېي ۋە كراسۇلار بىلەن بىرلىشىپ، ئالدىنقى ئۈچلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان. مىلادىدىن 59 يىل ئىلگىرى كونسۇل بولۇپ سايلانغان. مىلادىدىن 58 يىل ئىلگىرى تاغنىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيە (پو دەريا ۋادىسى) نىڭ گوبېرناتورلۇقىغا تەيىنلەنگەن ھەمدە تەسىر دائىرىسىنى كەڭ كۆلەمدە تاغنىڭ شىمالىدىكى گاللىيە (فرانسىيە، بېلگىيە قاتارلىق جايلار) گىچە كېڭەيتكەن. سەككىز يىل ئىچىدە پۈتكۈل گاللىيە رايونىنى كۆپ قېتىم بويسۇندۇرغان، نۇرغۇنلىغان بايلىق ۋە قۇللارنى بۇلاپ، رىمغا ماڭدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن كۈچ-قۇدرىتى كۈنسايىن زورايغان. رېين دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گېرمانلارغا ھۇجۇم قىلغان (مىلادىدىن ئىلگىرى 55 — 53)، دېڭىزدىن ئۆتۈپ، برىتانىيىگە ھۇجۇم قىلغان (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 55 — 54). كراسۇ ئارساكقا جازا يۈرۈشى قىلىپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن (مىلادىدىن 53 يىل ئىلگىرى)، پومپېي بىلەن سېناتتىكىلەر بىرلىشىپ، ئۇنىڭ ئەسكىرىي ھوقۇقىنى بىكار قىلغان. مىلادىدىن 49 يىل ئىلگىرى قوشۇنىنى باشلاپ دۇبكۇن (شىمالىي ئىتالىيە) دەرياسىدىن ئۆتۈپ، رىمنى ئىشغال قىلغان. پومپېي كۆپلىگەن سېناتورلار بىلەن بىللە گرېتسىيىگە قېچىپ كەتكەن. مىلادىدىن 48 يىل ئىلگىرى فارسالۇ ئۇرۇشىدا غالىبىيەت قازىنىپ، پومپېينى قوغلاپ مىسىرغا كىرگەن (پومپېي ئۆلتۈرۈلگەن). پېتولېمىي خانلىقىنىڭ ئىچكى نىزالىرىغا ئارىلىشىپ، كلېئوپاترا Ⅶ نى خان قىلىپ تىكلىگەن. مىلادىدىن 47 يىل ئىلگىرى كىچىك ئاسىياغا كېلىپ، فاناسېسلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرغان. ئارقىدىنلا شىمالىي ئافرىقا ۋە ئىسپانىيىدە پومپېينىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقىتىپ، زەپەر بىلەن رىمغا قايتىپ كەلگەن. مىلادىدىن 45 يىل ئىلگىرى سېنات ئۇنى ئەبەدىي ئىستىبدات دەپ جاكارلىغان. ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى بەش يىل كونسۇل بولۇپ، ئاداققىي ۋاسىي، بۈيۈك گېنېرال، بۈيۈك ئۇستاز دېگەن شەرەپ ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇپ، «ئەل ئاتىسى» دېگەن پەخرىي نامغا ئېرىشىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھەربىي ئىستىبداتقا ئايلانغان. ئۇنىڭدا سېناتاتور (كېيىن 900 گە كۆپەيتىلگەن) لارنى سايلاش ھوقۇقى بولغان، نەتىجىدە پۇقرالار مەجلىسى ئىسمى بار، جىسمى يوق، قۇرۇق رامكىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇ ئىتالىيە ۋە باشقا رايونلاردىكى 80 مىڭغا يېقىن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن كونا ئەسكەرلەرگە يەر بۆلۈپ بەرگەن، شۇنداقلا جەنۇبىي گاللىيە ۋە ئىسپانىيىنىڭ بىرقانچە شەھەرلىرىدىكى يۇقىرى قاتلامدىكى زاتلارغا رىم گراژدانلىق ھوقۇقىنى بېرىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كەڭ قوللاشقا ئېرىشكەن. رىمدىكى نامرات پۇقرالارغا بېرىلىدىغان ئاشلىق نورمىسىنى كونترول قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاھالىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويغان. ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، كاتتا رىم كۇتۇپخانىسى سالدۇرغان، مەيدان، ئىبادەتخانا ۋە تىياتىرخانىلارنى ياساتقان. ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىن ئاسترونوملارنى تەكلىپ قىلىپ، رىمنىڭ تۇنجىقۇياش كالېندارى — «يۇلىئۇس كالېندارى» نى تۈزۈپ چىققان. كائېسارنىڭ دىكتاتۇرىسى سېناتتىكى بىر تۈركۈم جۇمھۇرىيەتچىل ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. مىلادىدىن 44 يىل ئىلگىرى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، برۇتۇس ۋە گايۇس قاتارلىقلار تەرىپىدىن قەست قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ: «گاللىيىدىكى ئۇرۇش»، «ئىچكى ئۇرۇش» قاتارلىق ئەسەرلىرى بولۇپ، يېزىق قۇرۇلمىسىنىڭ ئاددىيلىقى بىلەن لاتىن يېزىقىنىڭ نەمۇنىسى دەپ ئاتالغان. «كائېسار» دېگەن نام كېيىنچە رىم ۋە غەرب ئىمپېراتورلىرىنىڭ ئەمەل نامىغا ئايلانغان.

كائېسارىيە

  • كائېسارىيە[يەشمىسى:]»(Caesarea) قەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە، «كائېسار» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان شەھەرلەر. ئاساسلىقى: (1) پەلەستىننىڭ دېڭىز ياقىسى رايونىغا، گالىلې (Galilee) بىلەن سامارىيە رايونىنىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقان. مىلادىدىن 13 يىل ئىلگىرى يەھۇدىيلار خانى ھىرود (Herod) سالدۇرغان، شەھەر سېپىلى، ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش-ئىمارەتلىرى ۋە پرىستانى بولۇپ، رىملىقلارنىڭ پەلەستىنگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدىكى مەمۇرىي مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. فلاۋىيە خانلىقى مەزگىلىدە (مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۆتكەن)، بۇ يەردە «فلاۋىيە مۇستەملىكە رايونى» (Colonia Flavia) قۇرۇپ چىققان. (2) ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا (بۈگۈنكى ئالجىرىيە چېگرىسى ئىچىگە) جايلاشقان. فۇنسىيىلىكلەر سالغان پورت شەھىرى. قەدىمكى مورىتانىيە خانى يۇبا Ⅱ(Juba Ⅱ، تەخمىنەن رىم ئىمپېراتورى ئاۋگۇست بىلەن بىر دەۋرلىك) بۇ شەھەرگە «كائېسارىيە» دەپ نام قويغان. ئارقىدىن ئىمپېراتور كلاۋدىيۇس تەختكە ئولتۇرغان مەزگىلىدە (41 — 54) بۇ جاينى مۇستەملىكە قىلغان ھەمدە بۇ شەھەر شۇ رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىكى مەمۇرىي مەركەزگە ئايلانغان.ئۇنىڭدىن باشقا، كىچىك ئاسىيانىڭ كاپپادوسىيە (Cappadocia)، پەلەستىننىڭ شىمالىدىكى ھېرمون (Hermon) تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى ۋە باشقا بەزى جايلاردا يەنە ئوخشاش نامدىكى قەدىمكى شەھەرلەر بولغان.

كائىفۇسو

  • كائىفۇسو[يەشمىسى:]» ياپونىيىدە ساقلانغان ئەڭ قەدىمكى خەنزۇچە شېئىرلار توپلىمى. بىر جىلدلىق. مىلادى 751-يىلى كىتاب بولۇپ چىققان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا بۇنى ئاۋاجى مىخۇنې، ئىشكامى تاكۇسى، كاجىيىسې كۆسىيې قاتارلىق كىشىلەر تۈزگەن، بىراق بۇ ھەقتە ئېنىق دەلىل-ئىسپات يوق. بۇنىڭغا 120 كۇپلېت شېئىر كىرگۈزۈلگەن. ئاپتور تېننوتېجى سۇلالىسىدىن تېننو شومۇ سۇلالىسىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكەن شاھزادە ئۆتومو، ئۆتسۇ، تېننو خۇمىتاكې ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار، روھانىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 64 كىشىنىڭ شېئىرلىرىنى توپلاپ كىرگۈزگەن. بۇنىڭغا دەۋرداش بولغان «مانكانو شېئىرلار توپلىمى» نىڭ ئاپتورلىرىدىن 18 كىشىنىڭ 39 كۇپلېت شېئىرىنىمۇ توپلامغا كىرگۈزگەن.بۇنىڭ كۆپى بەش سۆزلۈك شېئىر بولۇپ، مەزمۇنى كۆپرەك، زىياپەت بەزمىلىرى ۋە سەيلە-ساياھەتلەرگە ئاتاپ يېزىلغان ئەسەرلەردىن ئىبارەت. شېئىر ئۇسلۇبى جۇڭگونىڭ ئالتە سۇلالە بىلەن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى شېئىرىيەتچىلىكىنىڭ تەسىرىگە خېلى چوڭقۇر ئۇچرىغان.

كايبارا ئېكىكىن

  • كايبارا ئېكىكىن[يەشمىسى:]» (Kaibara Ekiken 1630 — 1714) ياپونىيە ئىدونىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئالىم. فوكۇدا تۇغۇلغان. ئىسمى ئاتسۇنوبۇ، تەخەللۇسى كومى. دادىسى ۋاسسال كۇرودا ئائىلىسىدە مەنسەپدار بولغان. ياش ۋاقتىدا ۋاسسالنىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ قوغلىنىپ، ناگاساكىنى ساياھەت قىلغاچ تىبابەتچىلىكنى ئۆگەنگەن. 1656-يىلى (مېرېكى ئىككىنچى يىلى) قايتىپ كېلىپ، ۋاسساللىقنىڭ دوختۇرى بولغان. تەلىماتلىرىدا جۈزئى تەلىماتىنى ئاساس قىلىپ، لۇ جيۇيۈەن، ۋاڭ شۇرېن تەلىماتىنى تەتقىق قىلىپ، ئۆزىنى شۇلار بىلەن بىر ئېقىمدا دەپ قارىغان. 1665-يىلى (كارنىئېنىڭ بەشىنچى يىلى) دىن باشلاپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن يېزىقچىلىق قىلىپ، 98 قىسىملىق، 247 جىلدلىق كىتاب يېزىپ چىققان. جۇڭگولۇق لى شىجېننىڭ «دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى» دېگەن كىتابىنىڭ تەسىرى بىلەن 1708-يىلى (تاكاراتونىڭ بەشىنچى يىلى) «ياماتو دورا ئۆسۈملۈكلىرى» نى يېزىپ، ياپونىيىنىڭ تەبىئەتشۇناسلىقى ۋە ئۆسۈملۈكشۇناسلىقى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەرگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا «ئومۇمىي گۇماندىن خاتىرىلەر» نى يېزىپ، سۇڭ دەۋرى كۇڭزىچىلىقىدىن گۇمانلانغان.

كايرولى

  • كايرولى[يەشمىسى:]»(Benedetto Cairoli، 1825 — 1889) ئىتالىيە باش ۋەزىرى (1878، 1879 — 1881)، لىبېرالىستلارنىڭ داھىيسى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40 — 60-يىللىرى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە پائال قاتناشقان، بىر مەزگىل ماززىنىغا ئەگەشكەن. 1860-يىلى گارىبالدىنىڭ «قىزىل كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنى» نىڭ ئۇزۇنغا يۈرۈش قىلىشىنى ئۇيۇشتۇرۇشىغا ياردەملەشكەن ۋە بۇ قوشۇننىڭ بىر روتىسىغا قوماندانلىق قىلغان. 1861 — 1864-يىللىرى ۋە 1867-يىلىدىن تارتىپ ئىتالىيە پادىشاھلىقى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. ئىتالىيە بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن سودا-سانائەت بۇرژۇئازىيىسى لىبېرالىستلىرىنىڭ «سول قانات» غا ۋەكىللىك قىلغۇچى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇ باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغان چاغلاردا ئىتالىيە كاپىتالىستىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ ئاۋسترىيە ئىگىلىۋالغان جەنۇبىي تىرول ۋە باشقا يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىشنى قوللىغان، دىپلوماتىيە جەھەتتە ئىتالىيىنىڭ ھېچقانداق ئىتتىپاققا قاتناشماسلىق سىياسىتى (يەنى «پاك قول بولۇش» سىياسىتى) نى يۈرگۈزۈپ، ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ زىددىيىتىدىن پايدىلانماقچى بولغان. 1881-يىلى فرانسىيە تۇنىسنى بېسىۋالغاندىن كېيىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن.

كايكاتو

  • كايكاتو[يەشمىسى:]» يەنى «مۇستەقىللىك پارتىيىسى».

كەپىلىك دېھقان

  • كەپىلىك دېھقان[يەشمىسى:]» كىچىك ئۆيلۈك دېھقان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيىدىكى ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېقىنقى زاماننىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى فېئوداللىق خاراكتېردىكى بېقىندى دېھقان. ئۇلار ئادەتتە بىر كەپە ۋە ئازغىنە ئۈلۈشلۈك يەرنى ئىگىلىگەن بولۇپ، خۇجىلار ئۈچۈن ئېغىر ئەمگەك قىلىپ بېرەتتى، بەزىدە يەنە ئاز مىقداردا پۇل بىلەن تۆلىنىدىغان يەر ئىجارىسى تاپشۇراتتى. ئۆلۈشلۈك يېرى بەك ئاز بولغاچقا تۇرمۇشىنى قامداشقا يەتمەيتتى، يەنە خوجىلار ئۈچۈن ياللانما ئىشچى، مالاي بولۇپ، قول سانائەت ۋە باشقا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغان. قانۇنىي ئورۇن جەھەتتە بەزىلىرى ۋىلانلارغا يېقىن كېلىدۇ، بەزىلىرى ئەركىن يەر ئىگىلىگۈچىلەر (freehold) گە يېقىن كېلىدۇ. ئۇلار يەر دائىرىلىۋېلىش ھەرىكىتىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانى ياكى قول سانائەت ئىشخانىلىرىدا ئىشلەيدىغان ياللانما ئىشچىلارغا ئايلانغان.

كەرنەك ئىبادەتخانىسى

  • كەرنەك ئىبادەتخانىسى[يەشمىسى:]» يەنى قەدىمكى مىسىرنىڭ تېب (تېبېس Thebes) شەھىرىدىكى ئىلاھ ئاممون ئىبادەتخانىسى. خارابە ئىزى بۈگۈنكى يۇقىرى مىسىر نىل دەرياسىنىڭ شەرقىي ياقىسىدىكى كەرنەك(Karnak) يېزىسىدا. بۇ ئىبادەتخانا ئوتتۇرا سۇلالىلەر(مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅧ—ⅩⅩⅡ ئەسىرلەر) دەۋرىدە ياسىلىشقا باشلىغان بولۇپ، فىرئەۋىنلەر ئۈزلۈكسىز تۈردە كېڭەيتىپ قۇرغان، يېڭى سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى رامىسېس Ⅱ (مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅢ ئەسىر) دەۋرىدە ئاساسەن پۈتكەن، دەپ قارالماقتا. جەنۇبتا بۈگۈنكى لۇكسور (loxor، ئەرەبچە: ئالاقمىئور-ئەل-ئۇقسۇر) يېزىسىغىچە سوزۇلغان. ئاساسىي خانىقاسىنىڭ (كەرنەكتە) يەر مەيدانى تەخمىنەن 5000 كۋادرات مېتر بولۇپ، 16 قاتار قىلىپ قويۇلغان 134 تال چوڭ يۇمىلاق تۈۋرۈكلەردىن ياسالغان. ئوتتۇرىدىكى ئەڭ ئېگىز 12 تال يۇمىلاق تۈۋرۈكنىڭ ھەربىرىنىڭ ئېگىزلىكى 21 مېتردىن بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدە يۈز ئادەم تۇرالايدىكەن. تۈۋرۈكلەرنىڭ بويىغا تەسۋىرىي يېزىقلار ۋە قاپارتما سۈرەتلەر ئويۇلغان، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك، سەنئەتتە كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، مېمارچىلىق تارىخىدا نادىر ئەسەر دەپ ئاتالغان. مەزكۇر ئىبادەتخانا قەدىمكى مىسىردىكى ئەڭ چوڭ ئىبادەتخانا بولۇپ، قەدىمكى دەۋردىكى داڭلىق مەدەنىي ئاسارئەتىقىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى سوتسىيالىزمى

  • كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى سوتسىيالىزمى[يەشمىسى:]» يەنى «گۇئىلد سوتسىيالىزمى».

كەش جەمئىيىتىⅩⅤ

  • كەش جەمئىيىتىⅩⅤ[يەشمىسى:]» ئەسىر- دىن ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى دېھقانلارنىڭ فېئوداللىققا قارشى مەخپىي تەشكىلاتى. جەمئىيەت بايرىقىغا دېھقانلار كىيىدىغان كەشنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ جەمئىيەت تەخمىنەن ⅩⅤ ئەسىرنىڭ 30 — 40 يىللىرىدا بارلىققا كەلگەن. ئاساسىي قاتناشقۇچىلىرى دېھقانلار ۋە ئاددىي پۇقرالار بولۇپ، ئاز ساندىكى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ئايرىم رىتسارلارمۇ بار. ئەزالىرى ھەمىشە مەخپىي يىغىن ئاچقان ۋە يېڭى ئەزالارنى قوبۇل قىلغان. 1502-يىلى سپېيېر (Speyer) ئېپىسكوپ رايونىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى پىلانلاپ، چېركاۋنىڭ يەر مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىش، بارلىق فېئوداللىق ئالۋان-سېلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، يېزا جامائەسىنىڭ يەرلىرىدىن ئەركىن پايدىلىنىش، چېركاۋ سوتىنى بىكار قىلىش ۋە مىسسىئونېرلارنىڭ ئىش ھەققىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلماقچى بولغان. كېيىن خائىن چېقىمچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. نۇرغۇن ئەزالىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، ساق قالغان ئەزاسى جون فرىتىس (Job Frtiz) تەشكىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشكە تىرىشىپ، 1513-يىلى يېڭى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلغان ھەمدە پادىشاھتىن باشقا ھەممە ھاكىمىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئەمەلىيەتتە، گېرمانىيىنىڭ تەپرىقىچىلىك ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن، بىرلىككە كەلگەن دۆلەت قۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىق بولاتتى. خائىنلارنىڭ چېقىمچىلىقى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. 1517-يىلى، جون فرىتىس بىلەن ستوفېر كەش جەمئىيىتىنى يېڭىباشتىن تەشكىللەپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە يەنە بىر قېتىم تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. بۇنىڭ تەسىرى گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كەڭ يېزىلارغا كېڭەيگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە شەھەر ئاھالىلىرىدىن نۇرغۇن كىشىلەر جەمئىيەتكە قاتناشقان. ئاخىرى يەنە مەغلۇپ بولغان. كەش جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرى 1524 — 1525-يىللىرىدىكى دېھقانلار ئۇرۇشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان.

كەشمىر مەسىلىسى

  • كەشمىر مەسىلىسى[يەشمىسى:]» 1947-يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ كەشمىرنىڭ تەۋەلىكى مەسىلىسىدە كېلىپ چىققان تالاش-تارتىش. كەشمىر ئەسلىدە ئەنگلىيىگە قارام ھىندىستاننىڭ بىر بەگلىكى بولۇپ، ئۇ يەردە ياشىغۇچى ئاھالىلەرنىڭ %70 تىن كۆپرەكى مۇسۇلمان، ھىندى دىنى مۇرىتلىرى تەخمىنەن %20 نى ئىگىلىگەن. ھۆكۈمرانلار ھىندى دىنىدىكى خان-خوجىلاردىن بولغان. ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى بۆلۈپ باشقۇرۇش توغرىسىدىكى «مونباتتېن لايىھىسى» گە بىنائەن ھەرقايسى يەرلىك شتاتلار پاكىستان ياكى ھىندىستانغا قوشۇلۇشىنى ۋە ياكى ئەسلىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆزلىرى ئەركىن تاللىۋېلىشىغا بولغان. كەشمىر مۇسۇلمانلىرى پاكىستانغا قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ھىندى دىنىدىكى بەگ-خوجىلارغا قارشى غازات ئېلىپ بېرىشنى جاكارلىغان. بەگ-خۇجىلار دېھلىغا قېچىپ بېرىپ، ھىندىستانغا قوشۇلۇش شەرتى بىلەن ھىندىستاننىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. 1947-يىلى-10 ئايدا ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ئۇرۇش بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋام قىلغان. كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن 1949-يىلى يېڭى يىلدا ئۇرۇش توختىتىلغان. شۇ يىلى 7-ئايدا ئۇرۇش توختىتىش لىنىيىسى بەلگىلىنىپ، ھىندىستان كەشمىرنىڭ [SX(]2[]3[SX)] قىسىم رايونى بىلەن [SX(]3[]4[SX)] قىسىم ئاھالىسىنى، پاكىستان [SX(]1[]3[SX)] قىسىم رايونى بىلەن [SX(]1[]4[SX)] قىسىم ئاھالىسىنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان بولغان. 1953-يىلى ھىندىستان، پاكىستاندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى كېلىشىم ھاسىل قىلغان، بىرلەشمە ئاخباراتىدا كەشمىر تالاش-تارتىشنى پۇقرالار ئاۋازىغا قويۇش يولى بىلەن ھەل قىلىشنى بايان قىلىشقان. 1965-يىل 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ھىندىستان يەنە بىر نۆۋەت پاكىستانغا قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ توقۇنۇش پەيدا قىلغان. 9-ئاينىڭ 23-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار ماقۇللاپ ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى ئۇرۇشنى توختىتىشقا مەجبۇرلىغان. 1975-يىلى 2-ئايدا ھىندىستان كەشمىرنىڭ ھىندىستان ئىشغالىيىتىدىكى رايوننى ھىندىستاننىڭ بىر شتاتى دەپ جاكارلىغان، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پاكىستان ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ ئېتىراز بىلدۈرگەن.

كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش ھەرىكىتى

  • كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش ھەرىكىتى[يەشمىسى:]»بۇرلارنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا (ئازانىيە)يېرىنى بېسىۋېلىش ھەرىكىتى. شۇنداقلا بۇرلارنىڭ كاپې مۇستەملىكىسىدىن كۆچۈپ كېتىش ھەرىكىتى. كۆچۈش دېگەن سۆز ئافرىقا تىلىدىكى Trek دېگەن سۆزنىڭ مەنە تەرجىمىسى بولۇپ، كالا ھارۋىسى بىلەن ساياھەت قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. ئەنگلىيە كاپې مۇستەملىكىسىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە بىلەن بۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنساناپ كەسكىنلەشكەن. 1834-يىلىدىن باشلاپ، بۇرلار كۆپلەپ كۆچۈپ كەتكەن. 1835 — 1845-يىللاردا كۆچۈپ كەتكەنلەر 14 مىڭغا يەتكەن. بۇ بورلار ئومۇمىي سانىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلغان. بورلار ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئېقىپ بېرىپ، كۇسالار ۋە زۇلۇلار (Zulu) نى قىرغان ۋە قوغلىۋەتكەن شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يېرىنى بېسىۋالغان. ئۇلار ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، ناتال (Natal) جۇمھۇرىيىتى، ئورانگې (Orange) ئەركىن شتاتى ۋە ترانسۋال (Transvaal) جۇمھۇرىيىتى قۇرغان بولسىمۇ كېيىن ئەنگلىيە تەرىپىدىن پۈتۈنلەي يۇتۇۋېلىنغان.

كەم-ت-ۈك پ-ارلام-ې-ن-ت

  • كەم-ت-ۈك پ-ارلام-ې-ن-ت[يەشمىسى:]» ⅩⅦ ئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىمەزگىلىدە، 1648-يىلى 12-ئايدىن 1653-يىلى 4-ئايغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان پارلامېنتنىڭ مەسخىرىلىك ئاتىلىشى. 1648-يىل 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، مۇستەقىلچىلەر كونتروللۇقىدىكى ئارمىيىنىڭ پولكوۋنىكى پرىدې (Thomas Pride، ؟ — 1658) نىڭ باشچىلىقىدا چوڭ بۇرژۇئازىيە، چوڭ ئاقسۆڭەكلەر ۋەكىللىك قىلىدىغان پادىشاھ بىلەن ئۇزۇن مۇددەتكىچە مۇرەسسە قىلىشتا چىڭ تۇرغان پارلامېنتنى تازىلاپ، ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقارغان، بۇنىڭ ئىچىدە 90 دىن ئارتۇقراقىنى ھەيدەپ چىقارغان، بەزىلىرى ئۆزلۈكىدىن يىغىنغا كەلمىگەن، قالغان پارلامېنت ئەزالىرى 100 گە يەتمىگەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. پارلامېنتتا مۇستەقىلچىلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، كورۇل چارلېس Ⅰ نى سوتقا تارتىپ ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىش، شۇنىڭدەك ئەنگلىيىدە جۇمھۇرىيەت قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم لايىھىلەرنى ماقۇللىغان. كېيىن خەلقتىن ئايرىلىپ قالغاچقا ھەمدە چىرىكلىشىپ ئىقتىدارىدىن ئايرىلغاچقا، 1653-يىلى 4-ئايدا كرومۋېل تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن

كەنئانلار

  • كەنئانلار[يەشمىسى:]»(Canaanites) پەلەستىن، سۈرىيە ۋە لىۋان دېڭىز بويى رايونلىرىدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالە. سېمىتلارنىڭ بىر تارمىقى. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرى ئەتراپىدا مۇشۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ، دېھقانچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان. برونزا قوراللار مەدەنىيىتىنى ياراتقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅥ ئەسىرگە كەلگەندە مىسىرنىڭ يېڭى پادىشاھلىقىغا بويسۇنغان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرى دەۋرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىگە كەلگەندە كۆچمەن قەبىلە خابلولار (ئېۋرىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى) پەلەستىنگە بېسىپ كىرگەن ۋە كەنئانلار ئۇلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەتكىچە كۈرەش قىلىپ، ئاخىر بويسۇندۇرۇلغان. كەنئانلارنىڭ مەدەنىيىتى خابلولارغا خېلى تەسىر كۆرسەتكەن. كەنئانلار توغرىسىدىكى خاتىرىلەر قەدىمكى مىسىر ئابىدىلىرى ۋە «تەۋرات» لارغا يېزىلغان.

كەئبە

  • كەئبە[يەشمىسى:]»ئەرەبچە Kaba نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ «ئۆي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى «بەيتۇللا» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ مەككىدىكى «مەسچىدىل ھەرەم» نىڭ ئىچىگە جايلاشقان چاسا تاشتىن قوپۇرۇلغان قەسىرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ تۆت بۇرجىكى قارىغان يۆنىلىش بويىچە، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىراق بۇرجىكى، سۈرىيە بۇرجىكى، يەمەن بۇرجىكى ۋە قارا بۇرجەك («ھەجرۇل ئەسۋەت — قارا تاشقا يېقىن بولغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان) دەپ ئاتىلىدۇ. قەسىر «قۇرئان» ئايەتلىرى — زەر يىپ بىلەن كەشتىلەنگەن قارا يوپۇق بىلەن يېپىپ قويۇلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە بۇنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوغلى ئىسمايىل ياسىغانىكەن. قەسىردىكى ھەجرۇل ئەسۋەتنى ئۇلۇغ پەرىشتە جىبرائىل ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، كېيىن كىشىلەر بۇنى قەسىرنىڭ شەرقىي جەنۇبى بۇرجىكىدىكى تامغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانىكەن. كەئبە قەدىمكى زامان ئەرەبلىرى تەرىپىدىن مۇقەددەس ھېسابلانغان، مۇشرىكلارنىڭ نەزىر-چىراغ قىلىدىغان مەركىزى بولغان. مىلادى 623-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان قىبلىسى قىلىپ بەلگىلىگەن. 630-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىگە كىرگەندىن كېيىن قەسىر ئىچىدىكى بۇتلارنى تازىلاپ چىقىرىۋېتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج-تاۋاب قىلىش مەركىزى سۈپىتىدە مەسچىدىل ھەرەمگە ئۆزگەرتكەن. كەئبىنى تاۋاب قىلىشنى مۇسۇلمانلارنىڭ بەش پەرزىنىڭ بىرى قىلىپ بەلگىلىگەن.

كەيقۇبادⅠ

  • كەيقۇبادⅠ[يەشمىسى:]» (KodabⅠ،؟ — 531) كاۋاد (Kavadh) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىران ساسانىلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى (488 — 496، 499 — 531). تەختتىكى مەزگىللىرى مازداك قوزغىلىڭى پارتلىغان. ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئاتەشپەرەست كاھىنلىرىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن، مازداك مەزھىپىگە يېقىنلىشىپ، مازداك مۇرىتلىرىنى ئىشقا سالغان. مىلادى 496-يىلى ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن بىكار قىلىنىپ ، ئورنىغا ئۇكىسى زاماسپىس (Zamaspes) چىققان. كېيىن ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىپ بارغان ۋە ئولپان بېرىش شەرتى ئاستىدا ئېفتالېتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ 499-يىلى قايتىدىن ئورنىغا چىققان. ئىككى قېتىم رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. شەرق تەرەپتە، 503 — 513-يىللىرى ئېفتالېتلارنى قايتا-قايتا مەغلۇپ قىلغان. جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا خاتىرىلىنىشىچە، جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى مازداك مەزھىپى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يامانلاشقان، ئوغلى خۇسراۋ مىلادى 529-يىلى مازداك قوزغىلىڭىنى باستۇرغان.

كتېسىفون

  • كتېسىفون[يەشمىسى:]»(Ctesiphon ياكى Ktesiphon) مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى قەدىمكى شەھەر. تېگرىس دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، سېلېۋكىيە (Seleucia) شەھىرى بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ، بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرىدۇ (ھازىرقى ئىراقنىڭ باغداد شەھىرى ئەتراپىدا). ئارساك (پارفىيە) پادىشاھلىقىنىڭ مەمۇرىي پايتەختى ۋە ساسانى پېرسىيىسىنىڭ پايتەختى (226 — 651). ئۇنىڭ ئورنى شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى سودا، قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا ئىشلىرى گۈللەنگەن. مىلادى Ⅰ ئەسىردىن بۇيان كۆپ قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن. 1928-يىلىدىن باشلاپ ئارخېئولوگلار ئۇنىڭ خارابىلىرىنى قېزىپ، نۇرغۇنلىغان ئاسارئەتىقىلەرنى تېپىپ چىققان.

كخمېر

  • كخمېر[يەشمىسى:]»(Khmer) ئەسلىدە كامبودژا چېگرىسى ئىچىدىكى كخمېر تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئاھالىلەرنى كۆرسىتەتتى.كېيىن كامبودژا دۆلىتىنى كۆرسىتىدىغان بولغان. «يېڭى تاڭنامە. كخمېرلار ھەققىدە قىسسە» دە بۇ ئاھالە تىلغا ئېلىنغان. ئەرەب تىلىدا كومار (Comar) دېيىلىدۇ. ۋيېتنام ۋە تايلاند تىلىدا كخامېن (Khamen) دېيىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى «كخمېر»نىڭ ئاھاڭىدىكى ئۆزگىرىش.

كراسسۇس

  • كراسسۇس[يەشمىسى:]»(Marcus Licinius Crassus، مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 115 — 53) قەدىمكى رىم باش قوماندانى. ياش ۋاقتىدا سۇللاغا ئەگىشىپ، سۇللانىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىۋېلىشتىن پايدىلىنىپ، كاتتا باي (رىم «دۆۋرەنى» دەپ نامى چىققان) بولۇۋالغان. سپارتاك قوزغىلىڭى مەزگىلىدە، مىلادىدىن 71 — 72 يىل ئىلگىرى سېنات ئۇنىڭغا دىكتاتۇرىلىق ھوقۇقى بەرگەن، پۈتۈن كۈچى بىلەن قوزغىلاڭنى باستۇرۇپ، تۈمەنلىگەن قۇللارنى قىرغىن قىلغان. مىلادىدىن 70 يىل ئىلگىرى پومپېي بىلەن بىللە كونسۇل بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھوقۇقى كۈنسېرى كۈچىيىپ بارغان. پومپېي بىلەن ئارازلىشىپ قالغان. كائېسارنىڭ ئارىغا چۈشۈپ سالا قىلىشى بىلەن ۋاقىتلىق مۇرەسسەلەشكەن. مىلادىدىن 60 يىل ئىلگىرى كائېسار ۋە پومپېي بىلەن ئالدىنقى ئۈچلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىللىگەن. مىلادىدىن 56 يىل ئىلگىرى كائېسار ۋە پومپېيلار بىلەن لوكا يىغىنى چاقىرىپ، «ئۈچ كاتتىباش» ئىختىلاپىنى مۇرەسسە قىلغان. مىلادىدىن 55 يىل ئىلگىرى يەنە بىر نۆۋەت كونسۇل بولغان؛ قەرەلى توشمايلا سۈرىيە ئۆلكىسىنىڭ ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. شەرقتە ئاچكۆزلۈك بىلەن مال-دۇنيا يىغقان ھەمدە تېخىمۇ زور ھەربىي تۆھپىگە ئېرىشىش كويىدا بولغان. مىلادىدىن 53 يىل ئىلگىرى يەتتە كورپۇس ئەسكەر باشلاپ، ئارساك (پارفىيە) غا يۈرۈش قىلغان، مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا ئالداپ كىرگۈزۈلۈپ كاررې (Carhae، فرات دەرياسىنىڭ شەرقى) ئەتراپىدا بولغان جەڭدە قاتتىق مەغلۇپ قىلىنىپ، ئۆلتۈرۈلگەن.

كراكوۋ قوزغىلىڭى

  • كراكوۋ قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]» 1846-يىلى پولشا كراكوۋ خەلقىنىڭ ئاۋسترىيە ئىشغالىيەتچى قوشۇنلىرىغا قارشى قوزغىلىڭى. 1815-يىلىدىكى ۋېنا يىغىنى كراكوۋنى ئەركىن شەھەر قىلىپ بەلگىلىگەن. 1846-يىلى 2-ئايدا ئاۋسترىيە قوشۇن چىقىرىپ كراكوۋنى بېسىۋېلىپ، خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. 20-كۈنى كراكوۋدىكى ئىشچىلار، قول ھۈنەرۋەنلەر ۋە يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانلار ئىنقىلابى دېموكراتلارنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئاۋسترىيىنىڭ كراكوۋدا تۇرۇشلۇق قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغان. 22-كۈنى پۈتكۈل شەھەرنى ئېلىپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقى ۋە تىسۋىسكى باشچىلىقىدىكى مىللىي ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغانلىقىنى جاكارلىغان، مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، ھاشار ۋە بارلىق فېئودال مەجبۇرىيەتلەرنى بىكار قىلغانلىقىنى؛ دېھقانلارغا يەر تەقسىم قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى؛ قول سانائەتچىلەر ئۈچۈن دۆلەت زاۋۇتى تەسىس قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى؛ ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھەممە ئىمتىيازلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى، ئىنقىلابىي سوت مەھكىمىسى بەرپا قىلىپ، ئىسلاھات بىلەن قارشىلاشقان ئاقسۆڭەكلەرنى باستۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بىراق قوزغىلاڭچىلار كۈرەش رايونىنى ۋاقتىدا كېڭەيتەلمىگەن. 3-ئايدا ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇشى بىلەن مەغلۇپ بولغان. بىرقانچە ئايدىن كېيىن كراكوۋ ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسى زېمىنىغا قوشۇۋېلىنغان.

كرانىي

  • كرانىي[يەشمىسى:]» (Stephen Crane، 1871 — 1900) ئامېرىكىلىق يازغۇچى. يېڭى جېرىسېي شتاتىدا تۇغۇلغان. ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان. 1891-يىلى نيۇ-يوركتا مۇخبىر بولغان ھەمدە ھېكايە، شېئىر يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. 1893-يىلى ئامېرىكىدىكى ئەڭ دەسلەپكى رېئالىزملىق ئەسەر «پاھىشە ماكى» نى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەربىي مۇخبىرلىق قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق: «قىزىل قەھرىماننىڭ مۇكاپاتنامىسى» ناملىق ئەسىرى بولۇپ، بۇنىڭدا شىمال-جەنۇب ئۇرۇشىدىكى بىر ئەسكەرنىڭ روھىي ھالىتىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە «ئالۋاستى» ناملىق ھېكايىسى، «قارا مەرگەن» ناملىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇ، ⅩⅩ ئەسىردىكى يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتىنىڭ پېشۋاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

كروپاتكىن

  • كروپاتكىن[يەشمىسى:]»(Пётр Алексеевич Кропоткин، 1842 — 1921) روسىيىلىك ئانارخىست، جۇغراپىيون. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1862 — 1867-يىللىرى ئىركوتىسىك ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتەپ، سىبىرىيىدە جۇغراپىيە، گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1867-يىلى ھەربىي سەپتىن بوشاپ، روسىيە جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتىگە قاتناشقان. 1872-يىلى شۋېتسارىيىگە بېرىپ، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال باكۇنىن گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان. روسىيىگە قايتقاندىن كېيىن نارودنىكلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1874-يىلى قولغا ئېلىنىپ، 1876-يىلى تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ چەت ئەلگە كەتكەن. يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئانارخىزم ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلغان. پەلسەپە جەھەتتە چاكىنا مېخانىتىسىزم ۋە چاكىنا ئېۋولىيۇتسىيە نەزەرىيىسىدە چىڭ تۇرغان. جەمئىيەتشۇناسلىق جەھەتتە سۇبيېكتىپ ئىدېئالىست ۋە مېتافىزىكىچى. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە بارلىق دۆلەتنى بىكار قىلىپ، ئامما ستېخىيىلىك ھالدا ھەمكارلاشقان ھۆكۈمەتسىز جەمئىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، باكونىنزمنى راۋاجلاندۇرۇپ بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان نەزەرىيە سىستېمىسىغا كۆتۈرگەن. روسىيە فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن روسىيىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆكتەبر ئىنقىلابىغا دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان. ئۆلۈشتىن سەل بۇرۇن (1920) ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، ياۋروپا-ئامېرىكا ئىشچىلىرىنى ئۆز ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت روسىيىسىگە قوراللىق مۇداخىلە قىلىشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق «شەرقىي سىبىرىيىنىڭ تاغ-ئېدىرلىرى تەزكىرىسى»، «شەرقىي سىبىرىيىنىڭ تاغ-ئېدىرلىرى تەزكىرىسى ماتېرىياللىرى»، «1789 — 1793-يىللاردىكى فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

كروتون

  • كروتون[يەشمىسى:]» (Croton ياكى Crotona) ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ شەھىرى. بروتىئۇم (Bruttium) نىڭ شەرقىي قىرغىقى بىلەن ئېسارۇ (Aesarus) دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي ئىئونىيە دېڭىزىغا تۇتىشىپ تۇرىدۇ. مىلادىدىن تەخمىنەن 710 ياكى 708 يىل ئىلگىرى، سپارتانىڭ ياردىمى بىلەن بىر تۈركۈم ئاخىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. يېرى مۇنبەت، بايلىقى مول ھەمدە دېڭىز سودىسىغا ئەپلىك جاي بولغاچقا تېز راۋاجلىنىپ «بۈيۈك گرېتسىيە» رايونىدىكى مۇھىم شەھەر بولۇپ قالغان. شەھەر ئايلانمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 20 كىلومېتر كېلىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پىتاگوراس مۇشۇ يەردە ئۆزىنىڭ پەلسەپە ئىجتىمائىي تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ئۆزىگە ھەدەپ مۇرىت توپلاپ، تەسىرىنى كېڭەيتكەن ھەمدە بۇ شەھەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىپ، بىر خىل ئۆزگىچە ئاقسۆڭەكلەر سىياسىتىنى يولغا قويغان. كروتونلىقلار تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ھەۋەسكار بولۇپ، سپورتچى مىلون (Milon) نىڭ پۈتكۈل گرېتسىيىدە داڭقى چىققان. مىلادىدىن تەخمىنەن 510 يىل ئىلگىرى شىمالدىكى قوشنىسى سېبارىس شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتكەن. بىر مەھەل جەنۇبىي ئىتالىيىدە دەۋران سۈرگەن. كېيىن لۇكانىيلار، برۇتلار بىلەن بولغان ئۇرۇش ھەمدە ھىسيراكۇس، ئېپىرۇس ئۇرۇشلىرىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، زاۋاللىققا يۈز تۇتقان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە رىم زېمىنىگە قوشۇۋېلىنغان. ئىككىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشىدا بۇ شەھەر پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئاھالىلىرى كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن رىملىقلارنىڭ مۇستەملىكە رايونىغا ئايلانغان. ئوتتۇرا ئەسىردىن تاكى 1928-يىلىغىچە بۇ جاي كوترون (Cotrone) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. 

كرودىيە جەمئىيىتى

  • كرودىيە جەمئىيىتى[يەشمىسى:]» ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى كرودىيە ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتى. 1824-يىلى مەشھۇر بولغان ئىللىرىيە ئېقىمى ئەربابلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان. دەسلەپ «ئىللىرىيە جەمئىيىتى» دەپ ئاتىلىپ زاگرىبدا داڭقى چىققان. كرودىيە تىلىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلىش ۋە تارقىتىشنى پىلانلىغان. 1874-يىلى «كرودىيە جەمئىيىتى» گە ئۆزگەرتىلگەن. جەمئىيەتنىڭ پائالىيىتى كرودىيە تىل-يېزىقى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىجابىي رول ئوينىغان ھەمدە ئىلىم-پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە مائارىپنى كېڭەيتىش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىگەن. 

كروسئاتى قوزغىلىڭى

  • كروسئاتى قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]» ⅩⅦ ۋە Ⅹ Ⅷ ئەسىردە ۋېنگرىيە دېھقانلىرىنىڭ ئاۋسترىيە ھابسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلاڭ. بۇ قوزغىلاڭنىڭ نامى 1514-يىلىدىكى گيۇرگو دوسا (Gyorgy Dozsa) رەھبەرلىكى- دىكى ۋېنگرىيە دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ نامى «كروسىئاتى» (Cruciati «ئەھلىسەلىپ قوشۇنى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، قوزغىلاڭچىلار ئۆزىگە كرېستنى بەلگە قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان) دىن كەلگەن. بۇ قوزغىلاڭلار ئىككى قېتىم پارتلىغان: (1) 1670-يىلى قېچىپ كەتكەن ۋېنگرىيە دېھقانلىرى بىلەن سلوۋاكىيە دېھقانلىرى ھابسبۇرگ خاندانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 1671-يىلى، قوزغىلاڭچىلار ئاقسۆڭەك تېكېن ئىمرې (Текен Имре) نى ئۆزىگە يولباشچى قىلىپ، رامو دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى رايون (سلوۋاكىيە چېگرىسى ئىچىدە) دا كرۇسىئاتى ھاكىمىيىتى (1678 — 1685) نى قۇرغان، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى كېڭىيىپ 25 مىڭ كىشىگە يەتكەن. قوزغىلاڭچىلار پارتىزانلىق ئۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان ھەمدە ترانسىلۋانىيە ۋە كارامو قاتارلىق كەڭ رايونلارنى ئىشغال قىلغان، كېيىن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ تەمىناتى يېتىشمىگەنلىكى، ئىنتىزامى بوشىشىپ كەتكەنلىكى ھەمدە قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبىرى ئۇرۇش پۇرسىتىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ كۈرەش نەتىجىلىرىنى كېڭەيتمىگەنلىكى ئۈچۈن، 1686-يىلى قوزغىلاڭ باستۇرۇۋېتىلگەن. (2) 1703-يىلى ۋېنگرىيە دېھقانلىرى قوزغىغان كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى ۋېنگرىيىگە قاراتقان زۇلۇمىنى كۈچەيتكەن، ۋېنگرىيە دېھقانلىرى ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىسپانىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىغا پېتىپ قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، مونكاچ رايونىدا ھابسبۇرگ خاندانلىقىغا قارشى يەنە بىر قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭچىلارنىڭ يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، فېئوداللىق مەجبۇرىيەت ۋە فېئوداللىق باج-سېلىقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلىپى خەلقنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى 100 مىڭ كىشىگە يەتكەن. كېيىن قوزغىلاڭچىلار راكوسى فېرېنس (Ракоци — Ференц) نى ئۆزىگە يولباشچى قىلغان. قوزغىلاڭ پۈتۈن مەملىكەتكە تۇتىشىپ، پۈتۈن ۋېنگرىيە ۋە ترانسىلۋانىيىنى دېگۈدەك ئازاد قىلىپ، ۋېناغا يېقىنلاشقان. 1705-يىلى، دېھقانلار ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇپ، ترانسىلۋانىيە بىلەن ۋېنگرىيىنىڭ قوشۇۋېتىلگەنلىكى جاكارلانغان. 1707-يىلى، ۋېنگرىيە مۇستەقىللىك جاكارلاپ، ھابسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ۋېنگرىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى رەسمىي بىكار قىلغان، فېرېنسىس راكوسى دۆلەت باشلىقلىققا سايلانغان. 1711-يىلى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان. ۋېنگرىيە ھۈرىيەتچى ئاقسۆڭەكلىرى قوزغىلاڭغا ئاسىيلىق قىلىپ، ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى بىلەن مۇرەسسەلىشىپ، «ساتۇ-مارې سۈلھ شەرتنامىسى»نى ئىمزالاپ، كرۇسئاتى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى قورالىنى تاشلاشقا مەجبۇرلىغان؛ راكوسى فېرېنىسىس چەت ئەلگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. 

كروكان قوزغىلىڭى

  • كروكان قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]»ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا فرانسىيە دېھقانلىرىنىڭ فېئوداللىققا قارشى قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭچىلار ئاقسۆڭەكلەر بىلەن باجگېرلارنى «كروكان» (Croquants، «چاشقان» مەنىسىدە) دەپ ئاتىغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. خۇگېنوتچىلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە (1562 — 1594) باج-سېلىقنىڭ ئېغىرلىشىشى، ياللانما قوشۇننىڭ خالىغانچە ئەسكىلىك قىلىشى تۈپەيلىدىن دېھقانلار كەينى-كەينىدىن ۋەيران بولغان. قوزغىلاڭ 1592-يىلى پارتلاپ، 1594 — 1596-يىللىرى پۈتكۈل فرانسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىنى ئورىۋالغان. قوزغىلاڭچىلار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قورغانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، باجگىرلارنى ئۆلتۈرگەن. 1598-يىلى فرانسىيە كورۇلى ھېنرىخ Ⅳ زورلۇق كۈچ ۋە بىر قىسىم بىۋاسىتە باجنى كېمەيتىش ئارقىلىق قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى پارچىلاپ تاشلىغان. 1636 — 1637-يىللىرى، فرانسىيىنىڭ غەربىي ۋە جەنۇبى قىسمىدا يەنە دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغان. غەربىي قىسمىدىكى پېرىگورد (Perigord) ئۆلكىسى قوزغىلاڭنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. قوزغىلاڭچى دېھقانلار يەنە شەھەر خەلقىنىڭ قوللىشى بىلەن بىرنەچچە شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىۋالغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 1643-ۋە 1644-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربى قىسمىدا يەنە يېڭى قوزغىلاڭ پارتلىغان، بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭمۇ ئاخىرى باستۇرۇۋېتىلگەن.

كروكې

  • كروكې[يەشمىسى:]» (Benedetto Croce، 1866 — 1952) ئىتالىيىلىك پەيلاسوپ، تارىخشۇناس، ئەدەبىي-سەنئەت تەنقىدچى ۋە يېڭى گېگېلچى. ئاچۇلا شەھىرىدە تۇغۇلغان. چوڭ پومېشچىك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1883-يىلى رىم داشۆسىدە قانۇن ئۆگەنگەن (ئوقۇشنى پۈتتۈرەلمىگەن). 1886-يىلى نېئاپولغا قايتىپ كېلىپ ئىلمىي تەتقىقات ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1903-يىلى «تەنقىد» نى تەسىس قىلغان ۋە ئۇنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن. 1910-يىلىدىن باشلاپ ئۆمۈرلۈك كېڭەش ئەزاسى بولغان. 1920 — 1921-يىللىرى جامائەت مائارىپى ۋەزىرى بولغان. 1925-يىلى «فاشىزمغا قارشى زىيالىيلار خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلغان. 1944-يىلى بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ ۋەزىرى بولغان. 1943 — 1947-يىللىرى لىبېراللار پارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1947-يىلى ئىتالىيە تارىخ تەتقىقات ئورنىنى تەسىس قىلغان. پەلسەپە جەھەتتە، روھ بىردىنبىر چىنلىق، تارىخ — مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ جەريانى. ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم زامان سەۋەبىدىن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، مەڭگۈلۈك چىنلىق مەۋجۇت ئەمەس، دەپ قارىغان. سىنىپىي كۈرەش ۋە پرولېتارىيات ئىنقىلابى تەلىماتىغا قارشى تۇرغان. ماركسىزمغا قارشى تۇرغان. ئېستېتىكا جەھەتتە، ئوبيېكتىپ گۈزەللىك مەۋجۇت ئەمەس، گۈزەللىك پەقەت بىۋاسىتە تۇيغۇ ۋە سۇبيېكتىپ ئىجادىيەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس، شېئىر باشقا ئەدەبىي ۋانىرلارغا ئوخشىمايدۇ، ئالاھىدە رولغا ئىگە دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «مەنىۋى پەلسەپە»، «تارىخىي ماتېرىيالىزم ۋە ماركسىزملىق ئىقتىساد»، «ئېستېتىكا ۋە سىياسىي»، «شېئىرىيەتچىلىك»، «شېئىرلار توپلىمى»، «ئىتالىيە تارىخى»، «گېگېل توغرىسىدا» ۋە «خەۋەرلەر توپلىمى» قاتارلىقلار بار. 

كرومپتون

  • كرومپتون[يەشمىسى:]» (Samual Crompton، 1753 — 1827) ئەنگلىيىلىك مىيۇل يىپ ئىگىرىش ماشىنىسىنى (قېچىر ماشىنىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) كەشپ قىلغۇچى، لانكاشىر ۋىلايىتىنىڭ پرېستوندا تۇغۇلغان. ئەسلىدە توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ ياش ئىشچىسى. بەش يىل قېتىرقىنىپ، سىناق قىلىش ئارقىلىق، جېننى يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى بىلەن ئاركدېيىت سۇ كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان يىپ ئېگىرىش ماشىنىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى قوبۇل قىلىپ، 1779-يىلى يېڭى تىپتىكى يىپ ئېگىرىش ماشىنىسىنى كەشپ قىلغان. ئۇنىڭدا ئېگىرىلگەن يىپ ھەم ئىنچىكە، ھەم پىششىق بولۇپ چىققان، خۇددى قېچىرنىڭ ھەم ئات، ھەم ئېشەكنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغىنىغا ئوخشاش بولغاچقا، قېچىر ماشىنىسى، ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە مۇلې (Mule) دەپ نام بەرگەن. بۇ كەشپىيات توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن. 

كرومۋېل

  • كرومۋېل[يەشمىسى:]»(Oliver Cromwell، 1599 — 1658) ⅩⅦ ئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى داۋامىدىكى بۇرژۇئا يېڭى ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنىڭ ۋەكىلى، مۇستەقىلچىلەرنىڭ يولباشچىسى. ئەنگلىيە بۇرژۇئا جۇمھۇرىيىتىنى بەرپا قىلغۇچى. يېزا مۆتىۋىرى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئىككى نۆۋەت لوندونغا بېرىپ قانۇن ئۆگىنىپ، كېيىن دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق فېرمىسى قۇرغان. 1628 — 1640-يىللىرى ئىككى نۆۋەت پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1642 — 1648-يىللىرىدىكى ئىككى قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇشتا ئۆزىنىڭ ھەربىي تالانتىنى نامايان قىلىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ «تۆمۈر ئاتلىق ئەسكەرلەر قوشۇنى» بىلەن يېڭى نەمۇنىلىك قوشۇننى باشلاپ، مارسىتون ۋە ناسبىي جەڭلىرىدە كورۇل قوشۇنىنى تارمار قىلىپ ھەمدە ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1648-يىلى پارلامېنتتىكى ئاقساقاللار تەرەپدارلىرىنىڭ كۈچىنى تازىلاپ چىققان. 1649-يىلى شەھەر پۇقرالىرى ۋە ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلارنىڭ بېسىمى بىلەن كورۇل چارلېس Ⅰگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن، 5-ئايدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە باراۋەرچىلەر بىلەن يەر ئاچقۇچىلارنىڭ دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى باستۇرغان. 1649 — 1652-يىللىرىدىكى شەخسەن ئۆزى قوشۇن باشلاپ ئېرلاندىيىگە يۈرۈش قىلىپ، ئېرلاندىيە مىللىي قوزغىلىڭىنى باستۇرغان، ئېرلاندىيە زېمىنىنى تالان-تاراج قىلغان. بۇ ئارىلىقتا 1650 — 1651-يىللىرى شوتلاندىيىدىكى پادىشاھپەرەسلەرنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتقان. 1653-يىلى ھەربىي مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەپ، دېكابردا ئۆزى «پروتېكتورات» بولۇۋالغان. سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىش ۋە مۇستەملىكە ھەمدە دېڭىزدىكى زوراۋانلىق ھوقۇقىنى تالىشىش ئۈچۈن، گوللاندىيە-ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىپ غەلىبە قىلغان.

كرومېر

  • كرومېر[يەشمىسى:]» (Evelyn Baring Cromer، 1841 — 1917) ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچى ئەمەلدارى، مىسىردا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى (1883 — 1907). ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن كورخۇ، مالتا ۋە يامايكا ئاراللىرىدا باسقاق بولغان ھەمدە ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستاندا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1878-يىلى مىسىر قەرز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش كومىسسىيىسىنىڭ ئەنگلىيە تەرەپ ھەيئىتى بولغان. 1880 — 1883-يىللىرى ھىندىستان باش ۋالىيسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەيئىتى بولغان. 1883-يىلى ئەنگلىيىنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئالىي ۋەكىلى قوشۇمچە باش كونسۇلى بولۇپ، مىسىرنىڭ ھەربىي مەمۇرىي چوڭ ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويۇپ، مىسىر خەلقىنى دەھشەتلىك ھالدا ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىپ، «شەرق زالىمى» دەپ ئاتالغان. 1906-يىلى دېنشاۋىي ۋەقەسى تۈپەيلىدىن قوزغالغان ئەنگلىيىگە قارشى ھەرىكەت ئۆرلەپ، 1907-يىلى 4-ئايدا تەختتىن چۈشۈپ، ئەنگلىيىگە قايتىپ كەتكەن. ئۇنىڭ «يېقىنقى زاماندىكى مىسىر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

كرومېرىز پارلامېنتى

  • كرومېرىز پارلامېنتى[يەشمىسى:]»ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئاۋسترىيە ئىمپېرىيە پارلامېنتى. 1848-يىلى 10-ئايدا ۋېنا قوزغىلىڭى پارتلاپ، پارلامېنت موراۋىيىنىڭ كرومېرىز (Kromeriz) شەھىرىگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئاز سانلىق رادىكال دېموكرات پارلامېنت ئەزالىرى ۋېنادا قالغاندىن باشقا، كۆپ سانلىق چېخ پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بىرگە كۆچۈپ كەتكەن. ئۇلار ۋېنا ئىنقىلابىغا قارشى تۇرۇش مەۋقەسىنى قوللىنىپ، ئاۋسترىيىنىڭ ھابسبۇرگ خاندانلىقىدىن چېخنىڭ مىللىي ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشقان. 1849-يىلى 3-ئايدا ئاۋسترىيە كورۇلى جوسېف Ⅰ تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن. 

كرونشتادت توپىلىڭى

  • كرونشتادت توپىلىڭى[يەشمىسى:]» 1921-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى پېتروگراد ئەتراپىدىكى كرونشتادت (Кронштадт، بالتىق دېڭىز فلوتىنىڭ ئاساسىي تايانچ بازىسى) تا يۈز بەرگەن سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق توپىلاڭ. ئۇنى كادىتلار، مېنشېۋىكلار، ھۆكۈمەتسىزلەر ۋە ئاقلار ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە خەلقئارا جاھانگىرلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۇلار «بولشېۋىكلار بولمىغان سوۋېت ھاكىمىيىتى» قاتارلىق ئەكسىيەتچى شوئارلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ پرولېتارىياتچە خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىپ، كاپىتالىزم تۈزۈمىنى تىرىلدۈرۈشكە ئۇرۇنغان. روسىيە كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسىنىڭ 11-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان 300 ۋەكىل قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى بىلەن بىرلىكتە، دۈشمەننىڭ توپ ئوقلىرىغا قارىماي مۇز ئۈستىدىن ھۇجۇم قىلغان، 3-ئاينىڭ 18-كۈنى قەلئە ئىشغال قىلىنىپ، توپىلاڭ تىنچىتىلغان. 

كرونشتادت قوزغىلىڭى

  • كرونشتادت قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]» روسىيىنىڭ 1905-يىل ئىنقىلابى مەزگىلىدە، بالتىق دېڭىز فلوتى ماتروسلىرىنىڭ كرونشادتتا كۆتۈرگەن قوراللىق قوزغىلىڭى. 1905-يىلىدىكى «17-ئۆكتەبر خىتابنامىسى» دېڭىز ئارمىيىسىدە كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان. 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە، كرونشادتتىكى ماتروسلار، ئەسكەرلەر ۋە ئىشچىلار چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇدا نامايىش قىلغان ۋە يىغىن ئاچقان. 11-ئاينىڭ 8-كۈنى چار پادىشاھ ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى قولغا ئالغانلىقى، قوزغىلاڭنىڭ پارتلىشىغا سەۋەبچى بولغان. قوزغىلاڭغا تەخمىنەن 3000 ماتروس، 1500 ئەسكەر قاتنىشىپ، كرونشتادت قەلئەسى ۋە شەھەرنى بىر مەھەل كونترول قىلغان. 11-ئاينىڭ 10-كۈنى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. قوزغىلاڭچىلار پېتروگرادتىكى ئومۇمىي ئىش تاشلاشنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن، دائىرىلەر ماتروسلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. 1906-يىلى 7-ئايدا كرونشتادت ماتروسلىرى قايتىدىن قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تەخمىنەن 6000 كىشى قاتناشقان بولسىمۇ، ئەمما يەنە چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، 36 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. 

كروئىس

  • كروئىس[يەشمىسى:]» (Kroisos ياكى Croesus) لىدىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 560 — 546). سابىق پادىشاھ ئاليات (Alyattes) نىڭ ئوغلى. كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىدىكى كەڭ رايونغا ئىگە بولۇۋالغان، يۇنانلىقلارنىڭ نۇرغۇنلىغان شەھەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئەل بولۇپ، لىدىيە ئەينى زاماندا قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغان. مىسىر فىرئەۋىنى (ياخمېسⅡ) ۋە يېڭى بابىلون پادىشاھى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىران ئېگىزلىكىدىكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىگە بىرلىكتە قارشى تۇرغان. مىلادىدىن 546 يىل ئىلگىرى، پېرسىيە پادىشاھى كۈرۈش تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان، پايتەخت ساردىس قولدىن كەتكەن، ئۆزىمۇ ئەسىرگە چۈشكەن. ئېيتىلىشىچە ئۇ قەدىمكى زاماندىكى داڭلىق كاتتا باي بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى كېيىن بېرىپ «باي» بىلەن مەنىداش سۆزگە ئايلانغانىكەن. 

كرۇپ كونسېرىنى

  • كرۇپ كونسېرىنى[يەشمىسى:]»فرېدرىخ كرۇپ چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فېدېراتىپ گېرمانىيىدىكى ئەڭ چوڭ يىرىك سانائەت مونوپول تەشكىلاتى. ئاساس سالغۇچى فرېدرىخ كرۇپ (Friedrich Krupp، 1787 — 1826). 1811-يىلى ئېسېندا پولات قۇيمىچىلىق زاۋۇتى قۇرغان. 1826-يىلدىن باشلاپ زەمبىرەك ئىشلەپ چىقىرىشقا باشلىغان. Ⅹ Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن گېرمانىيە بويىچە ئەڭ ئاساسلىق ھەربىي قورال-ياراق ئىشلەپ چىقارغۇچىغا ئايلانغان. 1914-يىلى گېرمانىيىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىشىنى قوللىغان. ناتسىستلارغا ياردەم بېرىپ، گىتلېرنىڭ تەختكە چىقىشىنى قوللىغان. 1933-يىلى كرۇپ (Gustav Kvupp von Bohlen und Halbach، 1870 — 1950) فاشىستلار گېرمانىيىسى مەملىكەتلىك ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ فاشىستلار ھاكىمىيىتى ۋە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشىدىكى ئاساسلىق تۈۋرۈكىنىڭ بىرى ئىدى. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئارقىلىق كاپىتالى توققۇز ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان. 1945-يىلىنىڭ باشلىرى، مەملىكەت ئىچىدە 110 چوڭ كارخانىغا، چەت ئەلدە 41 چوڭ كارخانىغا ئىگە بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بىر مەزگىل ئۇنىڭ كارخانىلىرى مۇسادىرە قىلىۋېلىنغان، كېيىن ئامېرىكا مونوپول كاپىتالى ۋە ئادېنا ئوئىر ھۆكۈمىتىنىڭ يۆلىشى بىلەن قايتا قۇرۇلغان. ئۇ سابىق فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ پولات-تۆمۈر، كېمىسازلىق، ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىدىكى كارخانىلارنى تىزگىنلىۋالغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى يادرولۇق كارخانىسى كرۇپ پولات-تۆمۈر شىركىتى. ئۇرۇشتىن كېيىنكى فېدېراتىپ گېرمانىيە مونوپول تەشكىلاتلىرىنىڭ سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇنىڭ باش شىركىتى ئېسىن شەھىرىدە. 

كرۇپىسكايا

  • كرۇپىسكايا[يەشمىسى:]» (Надежда Коистантиновна Крупская، 1869 — 1939) سوۋېت ئىتتىپاقى سوۋېت مائارىپ تۈزۈمىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى، لېنىننىڭ رەپىقىسى ۋە سەپدىشى. پېتربۇرگدا بىر ئوفىتسېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1890-يىلى ماركسىزملىق ئوقۇغۇچىلار كۇرۇژوكىغا قاتناشقان. 1891 — 1896-يىللىرى ئىشچىلار كەچ كۇرسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئىنقىلاب ئىدىيىسىنى تارقاتقان. 1895-يىلى پېتېربۇرگ «ئىشچىلار سىنىپىنى ئازاد قىلىش كۈرەش جەمئىيىتى» گە قاتناشقان. 1898-يىلى سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان مەزگىلىدە لېنىن بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. شۇ يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1901-يىلى لېنىن تۇرۇۋاتقان ميۇنخېنگە بېرىپ «ئىسكرا» گېزىتى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ كاتىپى بولغان. 1905-يىلى 5-ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ سېكرىتارى بولغان. شۇ يىلى 11-ئايدا لېنىن بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، 1905-يىلىدىكى ئىنقىلابقا قاتناشقان. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سېكرىتارىياتىدا ئىشلىگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىغا پائال قاتناشقان. سوۋېت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن مائارىپ خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى بولغان. 1921-يىلىدىن باشلاپ مائارىپ خەلق كومىسسارىياتى دۆلەت ئىلمىي جەمئىيىتى ئىلىم-پەن مائارىپ بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى،1929-يىلدىن باشلاپ مائارىپ خەلق كومىسسارىياتىنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى بولغان. 1924-يىلى روسىيە كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي رىۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 1927-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئۇنىڭ «خەلق مائارىپى ۋە دېموكراتىزم»، «سىياسىي تەلىم-تەربىيە خىزمىتى پرىنسىپلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

كروتوي

  • كروتوي[يەشمىسى:]»(Kpyton، ؟ — 1093) ۋېندېن كىنەزلىكىنىڭ كىنەزى (1066— 1093). تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە پولابىئان سلاۋىيانلىرى ئىچىدە كاتولىك دىنىنىڭ تارقىلىشىغا قارشى تۇرغان ھەمدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جىللاند يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر قىسىم جايلارنى بېسىۋېلىپ، ۋېندېن كىنەزلىكىنىڭ چېگرىسىنى شىمالىي دېڭىزغىچە سۈرگەن. كېيىنرەك ئۆز جەمەتىدىن بولغان ھېنرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 

كرودىيە مۇستەقىل دۆلىتى

  • كرودىيە مۇستەقىل دۆلىتى[يەشمىسى:]» ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سابىق يۇگوسلاۋىيىدىكى كرودىيە فاشىست قورچاق ھاكىمىيىتى. 1941-يىلى 4-ئايدا يۇگوسلاۋىيە ئوق مەركىزىي دۆلەتلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئىتالىيىنىڭ يۆلىشى بىلەن كرودىيىدىكى زاگرېبدا قۇرۇلغان. ئۇسىتاسېچىلاردىن ئانتې پاۋېلىچ (Ante Pavelic، 1889 — 1959) «باش ۋەزىر» بولغان. كېيىن بوسنىيە-گېرېتسېگوۋىنامۇ بۇ «مۇستەقىل دۆلەت» كە كىرگۈزۈۋېلىنغان. چوڭ خورۋاتچىلىقنى ۋە كوممۇنىزمغا قارشى سىياسەتنى يۈرگۈزگەن. 1943-يىلى 9-ئايدا ئىتالىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، گېرمانىيىگە بېقىنغان. 1944-يىلى پارچىلىنىپ كەتكەن. 

كرۇس

  • كرۇس[يەشمىسى:]»(Sor Juana Inesdela Cruz، 1651 — 1695) مېكسىكىلىق شائىر، گۇمانىست. كىچىك پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 14 يېشىدىن تارتىپ يېڭى ئىسپانىيە باش ۋالىيسى ئوردىسىدا ئايال خىزمەتكار بولۇپ ئىشلىگەن. ئوردا تۇرمۇشىدىن بىزار بولۇپ، 16 يېشىدا موناستىرغا كىرىپ ئايال موناخ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئاساسەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئىلىم-پەن تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ «فىلوتىيە دې لاكرۇسنىڭ خېتىگە جاۋاب» ناملىق ئەسىرى، «كاستېرىدا تاشقىنى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار. كومېدىيە ئەسەرلىرىدىن: «ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيىتى» ۋە «مۇھەببەت — سىرلىق ئوردا» قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى فېئوداللىققا، چېركاۋلارغا قارشى بولغان 一 گۇمانىزملىق تۈسكە ئىگە. 

كرۇگېر

  • كرۇگېر[يەشمىسى:]» (Stephanus Johannes Paulus Kruger، 1825 — 1904) بۇرلىق. ترانسۋال جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1883 — 1900). كاپ مۇستەملىكىسىنىڭ كولېسبىرگ (Colesberg) شەھىرىدە تۇغۇلغان. ياشلىق دەۋرىدە مارابىلىلار بىلەن زۇلۇلارنى بويسۇندۇرۇش مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. ئەنگلىيىنىڭ قوشۇۋېلىش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، ترانسىۋال جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئورانگې ئەركىن شتاتىنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. 1864-يىل ترانسىۋال جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1877 — 1883-يىللىرى ئەنگلىيە ئارمىيىسى ترانسىۋال جۇمھۇرىيىتىنى بېسىۋالغان مەزگىلدە ئىككى نۆۋەت لوندونغا بېرىپ، ترانسىۋال جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتكە قاتناشقان. 1880 — 1881-يىللىرى بۇرلار ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1883-يىلدىن تارتىپ ئۇدا تۆت قېتىم ترانسىۋال جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى بولغان. بۇ مەزگىلدە دېڭىز قىرغاق رايونىغا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، بانتولارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالغان؛ ئەنگلىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان. 1899-يىلى ئەنگلىيە-بۇر ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، باش قوماندان بولغان. 1900-يىلى ياۋروپاغا ياردەم سوراپ بارغان. كېيىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۋېتسارىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 

كرۇم

  • كرۇم[يەشمىسى:]» (Крум، ؟ — 814) بۇلغارىيە كىنەزى (803 — 814). مىلادى 805-يىلى ئاۋارلارنى مەغلۇپ قىلىپ، تىسا دەرياسى بىلەن دىنېستر دەرياسى ئارىلىقىدىكى رايوننى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. 809-يىلى ۋىزانتىيىنىڭ قولىدىن سېردىكا (Сердика، ھازىرقى سۇفىيە) نى تارتىۋالغان. 881-ۋە 813-يىللىرى ۋىزانتىيە قوشۇنىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، ئادرىئانوپول (Adrianople، ھازىرقى ئېدرىنې [Edirne]) نى بېسىۋالغان. ئىچكى جەھەتتە ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، تۇنجى بۇلغارىيە يازما قانۇنىنى جاكارلىغان، شەكىللىنىۋاتقان فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى قوغداپ قالغان. 

كرۇيە مۇداپىئە جېڭى

  • كرۇيە مۇداپىئە جېڭى[يەشمىسى:]» 1450-يىلى ئالبانىيىنىڭ تۈركىيە تاجاۋۇزىغا قارشى مۇھىم جېڭى. كرۇيە (Kruje) ئالبانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر قورۇل بولۇپ، تۈركلەر بېسىۋالغان. 1443-يىلى ئالبانىيىنىڭ مىللىي قەھرىمانى ئىسكەندېربېي تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېلىنغان. 1450-يىلى 5-ئايدا تۈرك سۇلتانى مۇراد Ⅱ 100 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن توپلاپ كرۇيەگە ھۇجۇم قىلغان.ئىسكەندېربېي ئارمىيە، خەلقنى باشلاپ قاتتىق مۇداپىئە قىلغان. تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت كۈرەش قىلىش ئارقىلىق تۈركىيە قوشۇنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان، مۇرادⅡ چېكىندۈرۈلگەن. كرۇيە مۇداپىئە جېڭىنىڭ غەلىبىسى ئالبانىيە خەلقىنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بەرگەن. 

كرېسىي جېڭى

  • كرېسىي جېڭى[يەشمىسى:]»ئەنگلىيە-فرانسىيىنىڭ 100 يىللىق ئۇرۇشىدىكى بىر قېتىملىق چوڭ جەڭ بولۇپ، 1346-يىل 8-ئاينىڭ 26-كۈنى فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كرېسىي (Crecy) ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. ئەنگلىيە كورۇلى ئىدۋارد Ⅲ قوماندانلىق قىلغان قوشۇن ئوقياچىلار بىلەن ئېغىر ساۋۇتلۇق پىيادە ئەسكەرلەرنى ئاساس قىلغان. فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅵ قوماندانلىقىدىكى قوشۇن ئېغىر ساۋۇتلۇق رىتسارلاردىن تەركىب تاپقان. جەڭ داۋامىدا، ئەنگلىيە قوشۇنى 300 قەدەمگە يېتىپ بارالايدىغان ئوقيالىرىنى توپلانغان فرانسىيە رىتسارلىرىغا قارىتىپ ئېتىپ، فرانسىيە قوشۇنىنى پاتىپاراق قىلىۋەتكەن، فرانسىيىنىڭ 1500 دەك رىتسارلىرىنى چىقىمغا ئۇچراتقان. ئەنگلىيە ئارمىيىسى غەلىبىسېرى شىمالغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، كالىي پورتىنى قورشىۋالغان ھەمدە 1347-يىلى ئۇنى ئىشغال قىلىۋالغان. 

كرېۋ بىرلەشمىسى

  • كرېۋ بىرلەشمىسى[يەشمىسى:]»1385-يىل 8-ئاينىڭ 14-كۈنى پولشا بىلەن لىتۋا كىنەزلىكى كرېۋو (Kerwo، لىتۋا چېگرىسى ئىچىدە) شەھىرىدە كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ تېئوتون رىتسارلىرى پولكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشنى كۆزلەپ بىرلىشىش شەرتنامىسى ئىمزالىغان. شەرتنامىگە بىنائەن، لىتۋا كىنەزى ياگېللو (Jagiello) پۇقرالىرىغا باشلامچىلىق قىلىپ كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغان، پولشا كورۇلىۋاسى يادۋىگا (Jadwiga) نى ئەمرىگە ئالغان ھەمدە 1386-يىلى تاج كىيىپ پولشانىڭ كورۇلى بولغان، لىتۋا پولشاغا قوشۇۋېلىنغان، 1410-يىلى 7-ئايدا، پولشا، لىتۋا ۋە روسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى گيۇنۋالد (تاننېنبېر جېڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) جېڭىدە تېوتون رىتسارلىرى پولكىغا ئەجەللىك زەربە بەرگەن. 

كرىپپىس تەكشۈرۈش ئۆمىكى

  • كرىپپىس تەكشۈرۈش ئۆمىكى[يەشمىسى:]» ئەنگلىيە ھىندىستاندىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ھىندىستانغا ئەۋەتكەن «ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى» تەكشۈرۈش ئۆمىكى. ئەنگلىيىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كابىنېت ئەزاسى كرىپپىس (Richard Stafford Cripps، 1889 — 1952) باشچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1942-يىلى 3-ئايدا كرىپپىس ھىندىستانغا كەلگەن ھەمدە ئەنگلىيىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كابىنېت يېزىپ چىققان ھىندىستان مەسىلىسى توغرىسىدىكى خىتابنامە لايىھىسىنى ئېلىپ كەلگەن. بۇ لايىھە «1942-يىلى خىتابنامىسى» ياكى «كرىپپىس پىلانى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لايىھىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنۇلار: (1) دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، ھىندىستان ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ چىقىش ھەمدە دومىنئونلۇق ئورۇن بېرىش (2) ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىش ئورگىنى قۇرۇپ، ھىندىستان يېڭى ئاساسىي قانۇنىنى يېزىپ چىقىشقا مەسئۇل بولۇش (3) ھىندىستان ئىتتىپاقىغا قاتنىشىشنى خالىمايدىغان ئۆلكە ۋە يەرلىك شتاتلارنىڭ ئىتتىپاقنىڭ سىرتىدا تۇرۇشىغا ياكى ھازىرقى ئورنىنى ساقلاپ قېلىشىغا ۋە ياكى ئۆز ئالدىغا ئايرىم يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دومېنئون بولۇپ قېلىشىغا يول قويۇش (4) ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئەنگلىيە ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ھېچقانداق ئۆزگەرتمەسلىك، ھىندىستاننىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىش ھەمدە تىزگىنلەپ تۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش، ھىندىستاندىكى ھەرقايسى پارتىيىلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا ھەمكارلىشىش. شۇ يىلى 3-، 4-ئايلاردا كرىپپىس ھىندىستاندىكى ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ يولباشچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ھىندىستاندىكى پارتىيىلەر بۇ لايىھىنى رەت قىلغان. خەلق كونگرېسى پارتىيىسى ھىندىستانلىقلارغا مەسئۇل بولغان بىۋاسىتە ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ھەمدە تولۇق ھوقۇق بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تەكشۈرۈش ئۆمىكى نەتىجە ھاسىل قىلالماي ئەنگلىيىگە قايتىپ كەتكەن. 

كرېت ئارىلى قوزغىلىڭى

  • كرېت ئارىلى قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]» كرىت ئارىلىدىكى گرېك ئاھالىلىرىنىڭ تۈركىيىنىڭ فېئودال ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى. گرېتسىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، كرىت ئارىلىدىكى گرېك ئاھالىلىرى كۆپ قېتىم تۈركىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭى 1866 — 1869 ۋە 1896 — 1897-يىللىرىدىكى ئىككى قېتىملىق قوزغىلاڭ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1866-يىلى تۈركىيە دائىرىلىرى كرېت ئارىلىدا تاماكا، تۇز ۋە ھاراق بېجىنى ئۆستۈرۈپ، گرېك مەكتەپلىرىنى تاقىغان. 5-ئايدا ئارالدىكى ئاھالىلەر سۇلتانغا ئىلتىماس سۇنۇپ، مەمۇرىي ۋە ئەدلىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭدىن نەتىجە چىقمىغان. قوزغىلاڭ پارتلاپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇپ، باستۇرۇشقا كەلگەن تۈركىيە قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. گرېتسىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرى پىدائىيلار قوشۇنىنى توپلاپ، قوراللىق قىسىملارنى ياردەمگە ئەۋەتىپ قوللىغان. شۇ يىلى 11-ئايدا روسىيە ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرگە نوتا تاپشۇرۇپ، كرىت ئارىلىنى گرېتسىيىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەنگلىيە بىلەن ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بۇنىڭغا قارشى تۇرغان. 1869-يىلى 1-ئايدا ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ مۇرەسسە قىلىپ، گرېتسىيىنىڭ قوزغىلاڭغا ياردەم بېرىشىنى توختىتىشقا مەجبۇرلاپ، قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەب بولغان. 1896-يىلى 3-ئايدا تۈركىيە سۇلتاننىڭ خرىستىئان دىنىدىكى ئۆلكە باشلىقىنى ئىسلام دىنىدىكى ئۆلكە باشلىقىغا ئالماشتۇرۇۋېتىشى، 1896 — 1897-يىللىرىدىكى قوزغىلاڭنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قوزغىلاڭچىلار قوزغىلاڭ قىلىش كومىتېتىنى قۇرغان. 5-ئايدا گرېك ئاھالىلىرىنى قوراللىق قوزغىلاڭ قىلىپ گرېتسىيە بىلەن بىرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى قوشۇن ئەۋەتىپ باستۇرغان. 11-ئايدا تۈركىيە كرېت ئارىلى ئاھالىلىرى ئۈستىدىن ئۇرۇش ئېلىپ بارغان. 1897-يىلى 2-ئايدا گرېتسىيە ئارمىيىسى كرېت قۇرۇقلۇقىغا چىقىپ، قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بەرگەن، 4-ئايدا تۈركىيە گرېتسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. گرېتسىيە مەغلۇپ بولۇپ، قوزغىلاڭ باستۇرۇۋېتىلگەن. 1898-يىلى تۈركىيە ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا، كرېت ئارىلىنىڭ مەمۇرىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىغا ماقۇل بولغان. ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە، ئىتالىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت بىرلىشىپ قوشۇن ئەۋەتىپ كرېتنىڭ مۇھىم شەھەر-بازارلىرىنى بېسىۋالغان. روسىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن گرېتسىيە كورۇلىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى، شاھزادە گېئورگې كرېت ئارىلىنىڭ ئالىي ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن. 

كرېت-مىكناي مەدەنىيىتى -

  • كرېت-مىكناي مەدەنىيىتى -[يەشمىسى:]» يەنى «ئېگېي مەدەنىيىتى».

كرىتياس

  • كرىتياس[يەشمىسى:]» (Kritias ياكى Critias، مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 403 — 460) قەدىمكى ئافىنا سىياسىئونى، «30 تىرانلار» ھاكىمىيىتىنىڭ كاتتىبېشى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كاللىسكىرۇ (Callaes Chrus) نىڭ ئوغلى. سوكراتنىڭ شاگىرتى ھەم سوفىست ئالىملىرىنىڭ بىرى. ئولىگارخچى بولۇپ، دېموكراتىك سىياسىگە قارشى چىققان. پېلوپونېنىس ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئافىنا دېموكراتلىرى تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان. ئافىنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن (مىلادىدىن ئىلگىرى 404) ۋەتەنگە قايتقان؛ سپارتا باش قوماندانى لېساندىرنىڭ يۆلەپ تۇرغۇزۇشى بىلەن تىرامېن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ ئافىنادا «30 تىران» («ئوتتۇزلار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھۆكۈمرانلىقىنى بەرپا قىلغان. زوراۋانلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دېموكراتچىلارغا ھەدەپ زىيانكەشلىك قىلغان. زاسىداتىللارغا ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. تولۇق پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنى 3000 كىشىلىك مۈلۈكدارلار بىلەنلا چەكلەپ، پۇقرالارنىڭ نۇرغۇن مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىۋالغان ۋە ئۇلاردىن زورلۇق بىلەن ئېغىر باج-سېلىق يىغقان. بۇ ئافىنا خەلق ئاممىسىنى قاتتىق بىزار قىلغان. تىرامېن بىلەن ھاكىمىيەت تالىشىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. دېموكراتلارنىڭ يولباشچىسى سېرا شوبورو قوشۇن تارتىپ كېلىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مونيكىيە (Munychina، پىرېي پرىستانى) دا مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن «30 تىران» ھاكىمىيىتى («ئوتتۇز زالىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى» غا قاراڭ) غۇلاپ چۈشكەن. ئۇ ئەينى زاماندىكى مەشھۇر ناتىق. ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا غەزەل، دراما يازغانىكەن. دىنىي ئېتىقادقا گۇمانلىنىش پوزىتسىيە تۇتقان. ئەپلاتون ئۇ توغرىسىدا «كرىتياس» ناملىق دىئالوگلۇق ئەسەر يازغان.

كرىسپى

  • كرىسپى[يەشمىسى:]» (Francesco Crispi، 1818 — 1901) ئىتالىيە باش ۋەزىرى (1887 — 1891، 1893 — 1896). سىتسىلىيە ئارىلىدا تۇغۇلغان. ئادۋوكاتلىق قىلغان. دەسلەپ ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا مەخپىي ھەرىكەت ئۇيۇشتۇرغان. 1848-يىلى 1-ئايدا پالېرمو قوزغىلىڭىنى قوزغاپ، 1848-يىلىدىكى ياۋروپا ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان. ماززىنىنىڭ تەلىماتىغا ئېتىقاد قىلىپ، ماززىنىغا ئەگىشىپ، سىتسىلىيە ئارىلى، نېئاپول، پېمونتې ۋە فرانسىيە ئارىسىدا قاتراپ يۈرگەن، كۆپ قېتىم سۈرگۈن قىلىنغان. 1860-يىلى گارىبالدى تەشكىللىگەن «قىزىل كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنى» نىڭ يىراققا قىلغان سەپىرىگە قاتنىشىپ، پالېرمو ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلەنگەن، بىراق ئۇزاق ئۆتمەي خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئىتالىيە بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن جۇمھۇرىيەتچىلىكتىن ۋاز كېچىپ، پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئەسەبىيلەرچە قوغداپ كەلگەن. 1861-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، كېيىن ئىتالىيە بۇرژۇئازىيە «سول قانات» لىرىنىڭ يولباشچىسى بولۇپ قالغان. 1877 — 1878-ۋە 1887-يىللىرى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە بەزى دىنىي ھاكىمىيەتچىلىككە قارشى پەرمانلارنى ماقۇللاتقان ھەمدە ئىقتىسادىي ئەھۋالنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغۇچى ئاممىنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرغان. سىرتقا قارىتا ئۈچ دۆلەت بىلەن بولغان ئىتتىپاقىنى مۇستەھكەملەپ، فرانسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشىگە سەۋەب بولغان ھەمدە ئافرىقىدا مۇستەملىكە كېڭەيمىچىلىكىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان.

كرىستىئانⅣ

  • كرىستىئانⅣ[يەشمىسى:]» (ChristianⅣ، 1577 — 1648) دانىيە-نورۋېگىيە كورۇلى (1588 — 1648). فرېدرىخ Ⅱنىڭ ئوغلى. تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاپىسى نايىب بولغان. 1596-يىلدىن تارتىپ ئۆزى سورىغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلىدە تەدبىر قوللىنىپ سودا-سانائەتنى راۋاجلاندۇرغان، كوپېنھاگېن پورتىنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ چىققان، يېڭى شەھەرلەرنى بەرپا قىلغان. ھانزا ئىتتىپاقىنىڭ ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلىپ، گوللاندىيىدىن يېڭى تېخنىكا كىرگۈزگەن ھەمدە كۈچلۈك دېڭىز ترانسپورت فلوتىنى بەرپا قىلغان. 1619-يىلى يىنىس مونكىنى ئەۋەتىپ ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شىمالىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ھىندىستانغا بارىدىغان دېڭىز يولىنى ئاچقان. ھىندىستاندىكى ترانكېبار (Tranquebar) نى تارتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىۋالغان. يەنە ئۈچ ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنى گرىنلاندىيە ئارىلىغا ئەۋەتىپ يېڭىباشتىن مۇستەملىكە ئالاقە ئورنىتىپ، گرىنلاندىيە شىركىتىنى قۇرغان. 1611 — 1613-يىللىرى شۋېتسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلغان. كېيىن «30 يىللىق ئۇرۇش» قا قاتناشقان. شۋېتسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، 1645-يىلى، شۋېتسىيە بىلەن «بريومىسېبرو شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، بىر قىسىم زېمىنىنى شۋېتسىيىگە بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ ئىناۋىتى چۈشۈپ كەتكەن.

كرىستىئانⅤ

  • كرىستىئانⅤ[يەشمىسى:]» (ChristianⅤ، 1646 — 1699) دانىيە-نورۋېگىيە كورۇلى (1670 — 1699). فرېدرىخⅢ ئۇنىڭ ئوغلى، دانىيە مۇستەبىت ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ تۇنجى مىراسخور كورۇلى. تەختتە بولغان مەزگىلىدە شەھەر ئاھالىسى ئىچىدىن كاتتا زاتلارنى ئەمەلدارلىققا قويغان. دۆلەتنى ۋەزىر گرىفېنفېلد (Griffen feld، 1635 — 1699) نىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن (كېيىن بۇ ۋەزىر ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 1676 — 1698-يىللىرى نەزەربەند قىلىنغان). 1671-يىلى ئاقسۆڭەكلەرنى گراف ۋە باروندىن ئىبارەت ئىككى تەبىقىغە بۆلۈپ چىققان. سىنكانېنى (Skane) تارتىۋېلىش ئۈچۈن، 1675 — 1679-يىلى سىكانېنى ئۇرۇشىنى قوزغاپ، بۇنىڭدىن نەتىجە چىقىرالمىغان. 1683 — 1687-يىللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا دانىيە قانۇنى بىلەن نورۋېگىيە قانۇنىنى ئېلان قىلغان.

كرىستىئانⅨ

  • كرىستىئانⅨ[يەشمىسى:]» (ChriatianⅨ، 1818 — 1906) دانىيە كورۇلى (1863 — 1906). تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي «نويابر ئاساسىي قانۇنى» (1863-يىل 11-ئاينىڭ 13-كۈنى دانىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان شىلېزۋىگنى دانىيىگە قوشۇۋېلىش پەرمانى) غا ئىمزا قويغان. كېيىن 1864-يىلى دانىيىنىڭ پرۇسسىيە، ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، شىلېرۋىگ، گولىشتېين، لاۋنىبۇرگدىن ئىبارەت ئۈچ كىنەزلىكىدىن مەھرۇم بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن مۇتەئەسسىپلەر تەرىپىدە تۇرۇپ، ۋەزىر ئېسترۇپ (Jacob Brnnmum Scavenius Estrup، 1825 — 1913) نىڭ «ۋاقىتلىق سىياسىتى» (ئۇنىڭ سىياسىتى پارلامېنتنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن، دائىم كابىنېت بىلەن كورۇل ئىمزالىغان «ۋاقىتلىق پەرمان» غا تايىنىپ، سىياسىي ئىشلىرىنى يولغا قويغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان) نى قوللاپ، دېموكراتىك كۈچلەر بىلەن كۈرەش قىلغان. 1901-يىلدىكى سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى داۋامىدا، سول قانات كابىنېت تەشكىل قىلىشقا ماقۇل بولۇشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دانىيىدە ئاخىرى پارلامېنت تۈزۈمى تىكلەنگەن.

كرىستىئانⅩ

  • كرىستىئانⅩ[يەشمىسى:]» (ChristianⅩ، 1870 — 1947) دانىيە كورۇلى (1912 — 1947). ئىسلاندىيە كورۇلى (1918 — 1944). دانىيە كورۇلى فرېدېرىك Ⅷ نىڭ ئوغلى. ياشلىق دەۋرىدە ھەربىي ئىشلارنى ئۆگەنگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سىكاندىناۋىيە ئەللىرى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەت-نى كۈچەيتىپ، دانىيىنىڭ بىتەرەپلىكىنى ساقلاپ كەلگەن. 1915-يىلى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئاياللارنى سايلام ھوقۇقىغا ئىگە قىلغان. 1918-يىلى دانىيە، ئىسلاندىيە بىرلەشمە قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويۇپ، ئىسلاندىيە ئارىلىنىڭ مۇستەقىللىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان، ئىسلاندىيىنىڭ كورۇللۇقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا دانىيىنى گېرمانىيە بېسىۋالغان. ئۇ، تەسلىم بولۇشتىن باش تارتىپ، يەنىلا دانىيىدە تۇرغان. 1943 — 1945-يىللىرى گېرمانىيە تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنغان. دانىيە قارشىلىق كۈچلىرىنىڭ سىمۋولى دەپ قارالغان.

كرىستىئان ھىيگېنس

  • كرىستىئان ھىيگېنس[يەشمىسى:]» (Christian Huyghens، 1629— 1695) گوللاندىيىلىك فىزىك، ماتېماتىك، ئاسترونوم. ئۇنىڭ بوۋىسى، ئاتىسى ۋە چوڭ ئاكىسى ئۇزاق ۋاقىت كورۇل ئوردىسىدا ئەمەل تۇتۇپ كەلگەن. ياش ۋاقتىدا ئوبدان ئائىلە مەدەنىيەت تەربىيىسى كۆرگەن. 1645 — 1649-يىللىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، لېيدېن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئورانىسكى ئىنستىتۇتىدا قانۇن ۋە ماتېماتىكا ئۆگەنگەن. كېيىن ئۇزاق ۋاقىت فرانسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ، لۇئى ⅩⅣ نىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشكەن، ئىلىم-پەن جەھەتتە خېلى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولۇپ، ماياتنىكنى كەشپ قىلغان. ساتۇرن گەردىشى، ئورىئون يۇلتۇزلار تۈركۈمى (ئاسماننىڭ ئېكۋاتور قىسمىدىكى يۇلتۇزلار تۈركۈمى) نى تاپقان، ئېھتىماللىق نەزەرىيىسىنى ئىجاد قىلغان ھەمدە نۇرنىڭ دولقۇن خاراكتېرلىك نەزەرىيىسىنى شەرھلەپ بەرگەن.

كرىسىپې پەۋقۇلئاددە پەرمانى

  • كرىسىپې پەۋقۇلئاددە پەرمانى[يەشمىسى:]» ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئىتالىيىدە سوتسىيالىستىك ھەرىكەتنى باستۇرۇش غەرىزىدە ئېلان قىلىنغان پەرمان. 1892-يىلى ئىتالىيىدە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك مەتبۇئات، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەرىكىتى، ئىشچى ئىستېمال ھەمكارلىق ئۇيۇشمىلىرى تېز راۋاجلانغان. مەملىكەت ئىچىدىكى سىنىپىي زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىپ، بۇرژۇئازىيە ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئەكسىيەتچىللەشكەن. 1894-يىلى كرىسپىي كابىنېتى پەۋقۇلئاددە قانۇن، يەنى «ئانارخىستلارغا قارشى پەرمان» چىقارغان. ئۇنىڭدا ئانارخىزمنى مەنئى قىلىشنى جاكارلاپ، بۇ ئارقىلىق بارلىق سوتسىيالىستىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرغان. مەملىكەت بويىچە 271 سوتسىيالىستىك تەشكىلات ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى تارقىتىۋېتىلگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەملىكەت ئىچىدىكى ئىلغار كۈچلەرنىڭ سوتسىيالىستىك ئىدىيىگە بولغان خەيرخاھلىقىنى كەڭ كۆلەمدە قوزغاپ، سوتسىيالىستىك ھەرىكەت تېز ئەۋج ئالغان.

كرىشنا

  • كرىشنا[يەشمىسى:]» (Krishna ياكى Krsna)، قەدىمكى ھىندىستان ئەپسانىلىرىدىكى باتۇر جەڭچى. ئىسمى «رگۋىدا» دا كۆرۈلىدۇ. بھاراتا ئۇرۇشى («ماھابھاراتا» دا) دا پاندۇس قەبىلىسىنىڭ دوستى ۋە مەسلىھەتچىسى بولغان ھەمدە جىددىي جەڭدە ئۇرۇش ھارۋىسىنى ئۆزى ھەيدىگەن. يەنە ئالۋاستىلارنى بويسۇندۇرۇپ، مال پادىلىرىنى قوغدىغان. خەلق ئۇنىڭغا چوقۇنغان، كېيىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، ئىلاھ ۋىسنا (ھىندى دىنىدىكى ئۈچ ئاساسىي ئىلاھنىڭ بىرى) نىڭ نامايەندىسىگە ئايلانغان.

كرىكو

  • كرىكو[يەشمىسى:]» (Giorgiodi Chirico، 1888 — 1978)، ئىتالىيىلىك رەسسام. گرېتسىيىدە تۇغۇلغان. ئىنژېنېر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئافىنا، ميۇنخېن، پارىژدا رەسسامچىلىقنى ئۆگەنگەن، سيوررېئالىزمغا ئاساس سالغۇچىلاردىن بىرى. 1915 — 1918-يىللىرى ئىتالىيىدە ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، فېرارا، رىم شەھىرىدە تۇرغان، نوقۇل سەنئەتچىلىكنى تەشەببۇس قىلغان. بىراق 30-يىللاردىن باشلاپ، مودىرنىزمنى تەنقىد قىلغان، ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئەسەرلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى كلاسسىكىزم تەرەپدارىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ: «كەچكۈزدىكى ئۇيقۇدىن كېيىنكى تېپىشماق»، «بۇت تەكچىسىدىكى سىر»، «شائىرنىڭ لەززىتى»، «ھۆكۇما» قاتارلىق نادىر ئەسەرلىرى بار.

كرىكىس

  • كرىكىس[يەشمىسى:]» (Crixus، مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 72). سپارتاك قوزغىلىڭى (مىلادىدىن ئىلگىرى 73 — 71) نىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى. قوزغىلاڭنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە سپارتاكنىڭ ياردەمچىسى بولغان. مىلادىدىن 72 يىل ئىلگىرى پىكىر ئىختىلاپى تۈپەيلىدىن تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ سپارتاك قوشۇنىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتكەن. كېيىن ئاپولىيە (ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا) تەۋەسىدىكى گارگانۇس تېغى(Garganus) ئەتراپىدا رىم ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، قۇربان بولغان.

كرىلوۋ

  • كرىلوۋ[يەشمىسى:]»(Иван Андреевич Крылов،1769 — 1884) روسى-يىلىك مەسەل-چى، تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆسمۈر ۋاقتىدا تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇشنى تاشلاپ بالا خىزمەتچى بولغان، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ زۇلمىدىن نارازى بولغان. ئۆزلۈكىدىن ئەدەبىياتنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، 14 يېشىدىن باشلاپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ «زېرەك پوچتا»، «ئوبزورچى»، «مۇقەددەس پېتېربۇرگ مېرىكۇرىيىسى» قاتارلىق ھەجۋىي خاراكتېردىكى ژۇرناللارنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. بىرقانچە كومېدىيە ۋە ئىككى يۈز پارچىدىن كۆپرەك مەسەل ئېلان قىلغان. بۇنىڭدا ئاساسەن ھايۋاناتلارنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق چارروسىيە جەمئىيىتى مەسخىرە قىلىنغان. مەسىلەن: «بۆرە بىلەن قوزا»، «ھايۋانلاردىكى ۋابا كېسىلى» قاتارلىق مەسەللىرىدە فېئودال ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ خەلقنى ئەزگەنلىكىنى پاش قىلغان؛ «بېلىقنىڭ ئۇسسۇلى»، «ئالا قوراي» قاتارلىق مەسەللىرىدە چار پادىشاھنىڭ ساختىپەزلىكىگە دارىتمىلاپ ھۇجۇم قىلغان، «ھەسەل ھەرىسى بىلەن چىۋىن»، «يىڭناغۇچ بىلەن چۈمۈلە» قاتارلىق مەسەللىرىدە پومېشچىكلار بىلەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۇرۇن ۋە ئەخمەقلىقىنى مەسخىرە قىلغان، «موكا بېلىق بىلەن مۈشۈك»، «مۈشۈك بىلەن ئاشخانا»، «بۆرە ئىتلار ئارىسىدا» قاتارلىق مەسەللىرىدە 1812-يىلىدىكى روسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى تەسۋىرلەنگەن؛ «مودا دۇكىنى»، «تەربىيە كۆرگەن ئايال» ناملىق ھەجۋىي كومېدىيىسىدە تىرىكتاپ سىنىپلارنىڭ قارىغۇلارچە چەت ئەلگە خۇشامەت قىلىشىنى مەسخىرە قىلغان. مەسەللىرى ئومۇمەن شېئىر شەكلىدە يېزىلغان، ژانىرلىرى خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىگە يېقىن بولۇپ، روسىيە ئەدەبىياتى بىلەن تىلىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن.

كرىلېنكو

  • كرىلېنكو[يەشمىسى:]»(Николай Васильевич Крыленко،1885—1938)سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدلىيە خەلق كومىسسارىياتنىڭ كومىسسارى. پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات-تارىخ پاكۇلتېتى ۋە خاركوۋ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن پاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1904-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1905-يىلدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە پېتېربۇرگ ۋە موسكۋادا پارتىيە خىزمىتى ئىشلىگەن. «ئىسكرا» گېزىتى ۋە «ھەقىقەت» گېزىتىنىڭ تەھرىرى بولغان. 1916-يىلى ئالدىنقى سەپتىكى روسىيە ئارمىيىسى ئىچىدە ئىنقىلابنى تەرغىپ قىلغان. فېۋرال ئىنقىلابىي مەزگىلىدە ئەسكەرلەر تەرىپىدىن رىۋىزىيە كومىتېتى رەئىسلىكىگە سايلانغان. كېيىن پېتروگراد ھەربىي ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى بولغان. ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىغا پائال قاتناشقان. ئىنقىلاب غەلىبىسىدىن كېيىن، 11-ئاينىڭ 9-كۈنى سوۋېت روسىيىسى قوراللىق كۈچىنىڭ ئالىي باش قوماندانى ۋە ھەربىي ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى بولۇپ، دوخونېن ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق كۈچلىرىنى يوقىتىشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1931-يىلدىن باشلاپ روسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى بولغان. 1936-يىلىدىن باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدلىيە خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى بولغان، ئۇنىڭ «لېنىن ئەدلىيە تۈزۈمى ۋە جازا سىياسىتى ھەققىدە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

كرىمىل سارىيى

  • كرىمىل سارىيى[يەشمىسى:]» ئەسلى روسىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئوردىسى. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگىنى تۇرۇشلۇق جاي قىلىنغان موسكۋانىڭ ئوتتۇرىسىغا، موسكۋا دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان، قىزىل مەيدان بىلەن تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ. 1156-يىلى كىنەز يۇرىي دولگورۇكىي (Юрий Долгорукий،؟ — 1157) نىڭ قەلئەسى بولۇپ، ئەتراپى ياغاچ رېشاتكىلار بىلەن تورالغان. 1367-يىلى ئاق تاش بىلەن قوپۇرۇلغان سېپىل ئارقىلىق ئورالغان. ⅩⅤ ئەسىردە ئىۋان Ⅲ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىپ تاش ئۇللۇق خىش ئوردا تېمىنى سالدۇرغان ھەمدە مۇنار راۋىقى، چېركاۋ، ئوردا ياساتقان. ئوردا تېمى تاغ توپىلىكىنى بويلاپ ئەگرى-بۈگرى ھالدا ئۈچ بۇلۇڭلۇق شەكىل ھاسىل قىلغان، ھەر تەرىپىدە يەتتە مۇنارىسى بار. شەرقىي بۇرجىكىدىكى سىپاسكى مۇنارىسى مۇنارلار توپىنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى مۇنار. نىكولاي مۇنارىسى، تېرويسىك مۇنارىسى، پاۋلوس مۇنارىلىرىمۇ بىرقەدەر ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم. ئوردىنىڭ مەركىزىدە ئۈچ ئالتۇن قۇببىلىق چوڭ چېركاۋ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. چېركاۋ مەيدانىدا ئەڭ قەدىمى ئوردىنىڭ پىرىزمىلىق تاش سارىيى، يەنە تىرىمنوي سارىيى ۋە كۆڭۈل ئېچىش سارىيىمۇ بار. ئوردىدىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش بۈيۈك ئىمپېراتور ئىۋاننىڭ قوڭغۇراق مۇنارى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىگە 22 چوڭ قوڭغۇراق، 30 دىن كۆپرەك كىچىك قوڭغۇراق ئورۇنلاشتۇرۇلغان، قوڭغۇراق مۇنارىسىنىڭ سىرتىدىكى تۈۋرۈك ئۇل تېشىغا بەش مېتر ئېگىزلىكتىكى قوڭغۇراق پادىشاھى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ يەردىن ئانچە يىراق بولمىغان جايغا يەنە بىر دانە زەمبىرەك پادىشاھى قويۇلغان. ئوردا كۆپ قېتىم ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان ھەم كۆپ قېتىم رېمونت قىلىپ كېڭەيتىلگەن. 1838 — 1849-يىللىرى چوڭ كرىمىل سارىيى سېلىنغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، سوۋېت سارىيى دەپمۇ ئاتىلىپ كەلگەن. بۇ يەردىكى ھەشىمەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلار تۈركۈمى رۇس خەلقىنىڭ ئىجادىي ئىقتىدارىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

كرىئوللار

  • كرىئوللار[يەشمىسى:]» (Criollo) ئادەتتە لاتىن ئامېرىكىسىدا تۇغۇلغان ئىسپانىيىلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ، يەرلىك ئاق تەنلىكلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىسپان تىلىنى قوللىنىپ ھەمدە ياۋروپالىقلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن. مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە، بۇلار ياكى چوڭ پومېشچىك، چوڭ چارۋىچىلىق فېرمىلىرىنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلانغان، ياكى ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن؛ ھۆكۈمەت، ئارمىيە، چېركاۋلاردا مەنسەپ تۇتقان. بۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ئىندىئانلار، نىگېرلار ۋە ئارىلاشما قانلىقلاردىن ئۈستۈن بولسىمۇ، بىراق يېرىم ئاراللىقلاردىن تۆۋەن بولغان. مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدا بىرقەدەر زور رول ئوينىغان. ئارگېنتىنا، ئۇرۇگۋاي، كوستارىكا قاتارلىق ئەللەردىكى كۆپ سانلىق ئاھالىلەر كىرىئوللاردۇر. برازىلىيىدىكى كرىئوللار بولسا مۇستەملىكىلەردە تۇغۇلغان نېگىرلارنى كۆرسىتىدۇ.

كرىپتېيە

  • كرىپتېيە[يەشمىسى:]» سپارتا ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ھېلوتلارنى قىرغىن قىلىشتىكى بىر خىل تېررورلۇق ھەرىكىتى. سپارتا ھۆكۈمرانلىرى ھېلوتلار (دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قۇللار) نى قورقىتىش، ئۆزلىرىنىڭ قۇلدارلىق ھەربىي ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ھەر يىلى باھار مەزگىلىدە، بولۇپمۇ رىۋىزىيە ئەمەلدارى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندا، ئاۋۋال ھېلوتلارغا «ئۇرۇش» قوزغىغان، يەنى سپارتالىق ياش جەڭچىلەرنى ھېلوتلار تۇرۇۋاتقان رايونغا ئەۋەتىپ، كۆپرەك كېچىلىرى ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئۇشتۇمتۇت باستۇرۇپ كىرىپ، قاۋۇل، بەستلىك ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش روھىغا ئىگە بولغان ھېلوتلارنى قىرغىن قىلغان. مانا بۇ كرىپتېيە (Krypteia يەنى «مەخپىي ۋەزىپە ئۆتەش») دەپ ئاتالغان. سپارتالىقلارنىڭ بۇ خىل ياۋۇز زوراۋانلىقى ھېلوتلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىغان.

كلاپپېرتون

  • كلاپپېرتون[يەشمىسى:]» (Hugh Clapper ton، 1788 — 1872). ئەنگلىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى. 1823-يىلدىن باشلاپ، دېنام بىلەن ترېپولىدىن يولغا چىقىپ سەھرايى كەبىر چۆللۈكىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بورنۇ پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى كۇكا (Kuka)، كانو ۋە سوكوتۇغا يېتىپ بارغان. سوكوتۇ سۇلتانى بېللۇ (Bello) ئۇنىڭ نېگىر دەرياسىغا بېرىشىنى توسقان. 1825-يىلى ئەنگلىيىگە قايتىپ كەتكەن. ئۇزاق ئۆتمەي ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن شۇ يىلىنىڭ ئاخىرى لاندېرنىڭ ھەمراھلىقىدا يەنە بىر نۆۋەت يىراققا يۈرۈش قىلىش ئەترىتىنى باشلاپ ئافرىقىغا بېرىپ، نېگىرىيىنىڭ باداگرىي (Badagry) دىن يولغا چىقىپ ئىچكى رايونغا كىرگەن، سوكوتۇدا يەنە سۇلتان بېللو تەرىپىدىن توسۇپ قويۇلغان ۋە سوكوتۇ ئەتراپىدىكى بىر كەنتتە ئۆلتۈرۈلگەن.

كلارك

  • كلارك[يەشمىسى:]» (1)فرانك ۋىگلېسۋورت كلارك(Frank Wigglesworth Clarke، 1847 — 1931). ئامېرىكىلىق گېئوخىمىيە ئالىمى. گېئوخىمىيىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. بوستوندا تۇغۇلغان. 1867-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1869-يىلى كوننېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1874 — 1883-يىللىرى سىنىسننات (Cincinnati) ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىمىيە پروفېسسورى بولغان. 1883 — 1924-يىللىرى ئامېرىكا گېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئىنستىتۇتىدا خىمىيە باش ئىنژېنېرى بولغان. ئۇ تۇنجى قېتىم مىنېراللارنى تەھلىل قىلىشنىڭ يېڭى تېخنىكىسىغا دائىر ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ھەر خىل تاغ جىنسلىرى، رۇدا، تەبىئىي سۇ ئۈستىدە زور كۈچ بىلەن تەھلىل ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرى 1889-يىلى ھەر خىل ئېلېمېنتلارنىڭ يەر پوستىدىكى ئېغىرلىق پىرسەنت جەدۋىلىنى ئېلان قىلغان. گېئولوگىيە ئىلمىي ساھەسىدىكىلەر شۇ شەۋەبتىن ھەربىر ئېلېمېنتنىڭ يەر پوستىدا تۇتقان ئوتتۇرىچە قىممىتىنى «كلارك قىممىتى» دەپ ئاتىغان. ئورگانىك خىمىيە ۋە ئاتوم ئېغىرلىقىنى ھېسابلاش ئۈستىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارغان، خەلقئارا ئاتوم ئېغىرلىقى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇنىڭ «گېئو خىمىيە ماتېرىياللىرى»، «مەڭگۈلۈك تەبىئەت» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) جون باتىس كلارك (John Bates Clark، 1847 — 1938). ئامېرىكىلىق بۇرژۇئا چاكىنا ئىقتىسادشۇناس. رود ئايلېند شتاتىدا تۇغۇلغان. برون ئۇنىۋېرسىتېتى، ئامېرىسىنت ئىنستىتۇتى، ھېيدېلبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئىقتىسادشۇناسلىق بىلەن تارىخشۇناسلىقنى ئۆگەنگەن. 1877 — 1892-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كالتون، سىمېس، ئامېرىستېت ئىنستىتۇتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1893 — 1895-يىللىرى ئامېرىكا ئىقتىساد ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1895 — 1923-يىللىرى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد ئىلمى پروفېسسورى بولغان. 1895 — 1911-يىللىرى، «سىياسىي-ئىقتىساد ئىلمىي پەسىللىك ژۇرنىلى» نىڭ تەھرىرى بولغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق نەزەرىيىسى ئىش ھەققىنىڭ چەكلىك ھالدا ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى تەلىماتى بولۇپ، بۇ تەلىماتى ئارقىلىق كاپىتالىزم تۈزۈمى ئاستىدىكى كىرىمنىڭ تەقسىم قىلىنىش خىزمىتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان. ئۇ يەنە ئىقتىساد ساھەسىدە جىمجىت ۋە ھەرىكەتچان ھالەتتىن ئىبارەت ئىككى خىل رول مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؛ پايدا بولسا ھەرىكەتچان ھالەت يەنى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىگىلىك داۋامىدا بارلىققا كېلىدۇ، كاپىتالىستنىڭ يېڭى تېخنىكىنى قوللانغانلىقىنىڭ ھەققى دەپ ھېسابلاپ، يۇقىرى مىقداردىكى مونوپول پايدا ئۈچۈن يان باسقان. ئۇ، ئامېرىكا يېڭى كلاسسىك ئىلمىي ئېقىمى ئىقتىسادشۇناسلىقىنىڭ رەھبىرى. ئۇنىڭ ئاساسلىق «بايلىق پەلسەپىسى»، «بايلىقنىڭ تەقسىم قىلىنىشى»، «ئىقتىسادشۇناسلىق پروگراممىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

كلارېنتون كېلىشمى

  • كلارېنتون كېلىشمى[يەشمىسى:]» 1164-يىلى 1-ئايدا ئەنگلىيە فېئودال ئاقسۆڭەكلىرى كلارېنتون يىغىنىدا، ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىخ Ⅱ مۇددىئاسىغا ئاساسەن ماقۇللىغان چېركاۋنىڭ ئەدلىيە ھوقۇقىنى چەكلەش قائىدە-نىزامى. جەمئىي 16 ماددىلىق. بۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنۇلار: كورۇلدىن ئىجازەتسىز مىسسىئونېرلارنىڭ پاپاغا ئەرز-شىكايەت قىلىشىغا يول قويماسلىق؛ چېركاۋنىڭ دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى دىندىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىشكە يول قويماسلىق؛ كورۇلنىڭ ئېپىسكوپ سايلىمىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى بولۇش؛ مىسسىئونېرلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا پادىشاھلىق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىپ، جازاغا تارتىش؛ دىن بىلەن دەھرىيلىك ئوتتۇرىسىدىكى يەر، قەرز ئىشلىرى قاتارلىقلارغا دائىر دەۋا ئەنزىلىرىنى پادىشاھلىق سوت مەھكىمىسى بىر تەرەپ قىلىش ۋە باشقىلار. كېنتېبېرىيە ئارخېئېپىسكوپى توماس بېكېت ۋە پاپا بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھېنرىخⅡ دىندىن چىقىرىلىشتىن قورقۇپ مەزكۇر كېلىشىمنى يولغا قويالمىغان.

كلارېندون

  • كلارېندون[يەشمىسى:]» (Edward Hyde Clarendon، 1609 — 1674) ئەنگلىيىلىك سىياسىئون، تارىخشۇناس. دەسلەپتە ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا قاتناشقان. بىراق كېيىن مۇنارخىستلار تەرەپدارىغا ئايلىنىپ، چارلېسⅡ گە ئەگىشىپ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1660-يىلى سىتوئارد خاندانلىقىنىڭ تىرىلىش ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىپ، چارلېسⅡ نىڭ باش ۋەزىرى بولۇپ، كۈچىنىڭ بارىچە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان. 1667-يىلى گوللاندىيىگە قارشى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقتىن، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، چەت ئەلگە چىقىپ پاناھلانغان. ئۇنىڭ «چوڭ توپىلاڭ تارىخى» ناملىق ئەسىرى بار.

كلاكتون مەدەنىيىتى

  • كلاكتون مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]» ياۋروپا كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مەدەنىيەتلىرىدىن بىرى. ئاساسەن ياۋروپانىڭ شىمالىي قىسمىغا تارقالغان. ئەڭ دەسلەپ ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى دېڭىز بويى، لوندوننىڭ شەرقىي شىمالىغا تەخمىنەن 100 كىلومېتر كېلىدىغان جايدىكى كلاكتون (Clacton) دېگەن جايدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئاساسەن ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىي ۋە فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا تارالغان تىپىك يادىكارلىقى ئىككى قول بىلەن تۇتۇپ تۇرۇپ تاشنى تاش سەندەلگە ئۇرۇپ ياساپ چىققان تاش قوراللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردىن ياغاچتىن ياسالغان نەيزىنىڭ تېپىلىشى كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ ۋاقتى ئاببېۋىل مەدەنىيىتى دەۋرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ، تەخمىنەن بۇنىڭدىن 400000 — 100000 يىللار ئىلگىرىكى مەدەنىيەت.

كلافام

  • كلافام[يەشمىسى:]» (John Harold Clapham، 1873 — 1946) ئەنگلىيىلىك ئىقتىسادشۇناس ۋە تارىخشۇناس. كىمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىي پروفېسسورى، كىمبرىج ئۇنىۋېرسىتىتى خانلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئىقتىساد تارىخى ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، برىتانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ھەمدە كىمبرىخ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد تارىخى ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئۇزۇن مۇددەت ئۈستىگە ئالغان. ئەنگلىيىنىڭ كاپىتالىستىك تۈزۈمىنى بېزەپ كۆرسىتىپ، ئەنگلىيە يېقىنقى زامان تارىخىدىكى سىنىپىي زىددىيەت ۋە سىنىپىي كۈرەشنى ئىنكار قىلغان. ئەنگلىيىدە سانائەت ئىنقىلابى يۈز بەرمىدى ۋەھاكازا دەپ قارىسىغا ھۆكۈم چىقارغان. ئۇنىڭ: «ئەنگلىيە ھازىرقى زامان ئىقتىسادى تارىخى»، «1851 — 1914-يىللىرىدىكى فرانسىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ ئىگىلىك تەرەققىياتى»، «ئىقتىساد، تارىخ تەتقىقاتى»، «ئەنگلىيە بانكىسى تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

كلاۋدىⅠ

  • كلاۋدىⅠ[يەشمىسى:]»(ClaudiusⅠ، لاتىنچە تولۇق ئىسمى تېبېرې كلاۋدى نېروگېرمانىكۇس، Tiberius Claudius Nero Germanicus، مىلادىدىن 10 يىل ئىلگىرىدىن مىلادى 54-يىلغىچە ياشىغان). قەدىمكى رىم ئىمپېراتورى (41 — 54). كالىگۇلانىڭ ئورنىغا ئىمپېراتور بولغان. تەختتىكى مەزگىلىدە، ئىمپېرىيىنىڭ بيۇروكراتلىق تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتكەن، بىر تۈركۈم رىتسارلار بىلەن ئازاد قىلىنغان قۇللارنى ئۆستۈرۈپ، ۋەزىپىگە قويغان، ئۆلكىلەرنىڭ ئاھالىلىرىگە كەڭ دائىرىلىك پۇقرالىق ھوقۇق بەرگەن. گاللىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشىشى ۋە سېناتقا قاتنىشىشقا يول قويغان. سىرتقا قارىتا كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلىپ، برىتانىيە، گېرمانىيە، سۈرىيە ۋە ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالغان. ئۇ خوتۇنى ئاگرىپېنا تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇنىڭ ئورنىغا نېرون ۋارىسلىق قىلغان.

كلاۋدى خاندانلىقى

  • كلاۋدى خاندانلىقى[يەشمىسى:]»يوليۇ كلاۋدى خاندانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئالدىنقى مەزگىلىدىكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تۇنجى خاندانلىقى (14 — 68-يىللىرى). ئىمپېراتور ئاۋگۇست (ئۇكتاۋىئان) دىن كېيىن قۇرۇلغان خاندانلىق. خاندانلىقنىڭ تىپىك ۋەكىللىرى يوليۇ كائېسار بىلەن كلاۋدى (Claudius) جەمەتىگە تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. خاندانلىق مەزگىلىدە ئىمپېراتور ئاساسەن ھەربىي قوشۇن ۋە بيۇروكرات ئاپپاراتلىرىغا تايىنىپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان، سېناتنىڭ ھوقۇقى ئاجىزلاشتۇرۇلغان. پۇقرالار يىغىنى قۇرۇق رەسمىيەتكە ئايلانغان، ھەرقايسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار (كونسۇل قاتارلىقلار) نىڭ ئېتى ئۇلۇغ سۇپىرىسى قۇرۇق بولۇپ قالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا ھەربىي مۇستەبىتلىك تۈزۈمىنى دەسسەتكەنلىكنىڭ نەتىجىسى. چوڭ يەر مۈلۈكچىلىكى (لاتفوندىيە) ۋە سودا-سانائەت ئىگىلىكى بەزى رايونلاردا يەنىلا راۋاجلانغان. سىرتقا قارىتا داۋاملىق ئۇرۇش قىلغان. شىمالىي ۋە شەرقىي چېگرىلىرى نىسپىي مۇقىم ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن. مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى خرىستىئان دىنى شەرقىي قىسمىدا باش كۆتۈرۈپ، غەربىي (ياۋروپا) قىسمىغا قاراپ تارقىلىشقا باشلىغان. بۇ خاندانلىققا، تىبېرىي (14 — 37-يىللىرى)، كالىگۇلا ( 37 — 41-يىللىرى)، كلاۋدىⅠ (41 — 54- يىللىرى)، نېرون (54 — 68-يىللىرى) دىن ئىبارەت تۆت ئىمپېراتور ھۆكۈمرانلىق قىلغان. كېيىن بۇ خاندانلىقنىڭ ئورنىنى فلاۋى خاندانلىقى ئىگىلىگەن.

كلاۋسېۋىتس

  • كلاۋسېۋىتس[يەشمىسى:]»(Karl Von Clausewitz، 1780 — 1831) گېرمانىيىلىك ھەربىي نەزەرىيىچى. پرۇسسىيە گېنېرالى. باجگىر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1792-يىلى پرۇسسىيە ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1793-يىلى فرانسىيە ئىنقىلابىغا قوراللىق مۇداخىلە قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1803-يىلى بېرلىن ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1806-يىلى ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ، 1808-يىلى قويۇپ بېرىلىپ، پرۇسسىيىگە قايتىپ كەلگەن. 1808 — 1809-يىللىرى گېنېرال سارنىھورست رەھبەرلىكىدىكى «ھەربىي ئىشلارنى قايتا تەشكىللەش كومىسسىيىسى» نىڭ ئىشخانا كوماندىرى بولۇپ، پرۇسسىيە ھەربىي ئىشلار ئىسلاھاتىغا پائال قاتناشقان. 1810 — 1812-يىللىرى ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەزگىلىدە، «ھەربىي تەلىم-تەربىيىدىن ئومۇمىي بايان»، «ئىشەنچنىڭ ئۈچ بەلگىسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىپ، خەلق ئۇرۇشىنى قوزغاش ئارقىلىق ناپولېئوننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1812-يىلى باھاردا، ناپولېئوننىڭ بېسىمى ۋە يۇنكېرلارنىڭ قارشىلىقى بىلەن، نائىلاج پرۇسسىيىدىن ئايرىلىپ، روسىيە ئارمىيىسى تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىپ، 1812-يىلدىكى روسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1814-يىلى پرۇسسىيە ئارمىيىسىگە قايتىپ كېلىپ، جۇنتۇەندە شتاب باشلىقى بولغان. 1818 — 1830-يىللىرى بېرلىن ھەربىي مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان. بۇ مەزگىلدە، 1566-يىلدىن 1815-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى 130-قېتىملىق جەڭ ۋە ئۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي جەڭ تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۈچ توملۇق مەشھۇر ھەربىي نەزەرىيىۋى ئەسىرى «ئۇرۇش ھەققىدە» نى يېزىپ چىققان. ھەربىي ئىشلار ئىدىيىسى جەھەتتە بۇرژۇئازىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىلغار خاھىشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، دىئالېكتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن ئۇرۇشنىڭ ماھىيىتى، شەكلى ۋە ئۇسۇلى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆزىنىڭ مەلۇم توغرا بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئېنگېلس ۋە لېنىن ئۇنىڭغا يۈكسەك باھا بەرگەن. 1830-يىلى توپچىلار قىسمىنىڭ باش تەپتىشى بولغان. 1831-يىلى پرۇسسىيە-پولشا چېگرىسىدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. شۇ يىلى خولېرا كېسىلى بىلەن ئۆلگەن.

كلاۋىيو

  • كلاۋىيو[يەشمىسى:]» (Ruy Gonzalez de Clavijo، ؟ — 1412) ئىسپانىيە كاستىللىق دىپلومات ۋە ساياھەتچى. كاستىل كورۇلى ھېنرىⅢ (HenryⅢ، 1390 — 1406) نىڭ پەرمانىغا بىنائەن تېمۇر ئىمپېرىيىسىگە ئەلچى بولۇپ بارغان. 1403-يىلى 5-ئايدا كادىستىن يولغا چىقىپ، كونستانتىنوپول، تراپېزۇنت، ئېرزۇرۇم، تەبرىز، تېھران، مەشھەد قاتارلىق جايلارنى بېسىپ، 1404-يىلى 9-ئايدا تېمۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى سەمەرقەندگە يېتىپ كېلىپ، تېمۇرنىڭ ئىززەت-ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولغان. بىراق ئۇزاق ئۆتمەي تېمۇر ئۆلۈپ ھېچبىر نەتىجىسىز قايتىپ كەتكەن. 1406-يىلى 3-ئايدا ئىسپانىيىگە قايتىپ بارغان. كېيىن ئۈچ يىللىق سەپىرىدە يېزىپ قالدۇرغان تەپسىلىي خاتىرىسىنى رەتلەپ كىتاب قىلىپ پۈتتۈرگەن، بۇ «تېمۇر ئوردىسىغا ئەلچى بولۇپ بېرىش خاتىرىسى» (خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى «كلاۋىئونىڭ شەرققە ئەلچى بولۇپ بېرىش خاتىرىسى» دەپ ئېلىنغان) بولۇپ، 1582-يىلى نەشىردىن چىققان. بۇ كىتابىدا ⅩⅤ ئەسىردىكى تېمۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە ئۆزىنىڭ سەپەر داۋامىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە.

كلائىچ

  • كلائىچ[يەشمىسى:]»(Vjkoslav Klaic، 1849 — 1928). خورۋات تارىخشۇناسى. زاگرېب ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخشۇناسلىق پروفېسسورى (1893 — 1922)، پراگا ئۇنىۋېرسىتېتى پەخرىي دوكتورى بولغان. 1873-يىلى ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئوتتۇرا ئەسىرلەر تارىخى ۋە كرودىيە تارىخ، جۇغراپىيىسىگە دائىر كۆپ خىل مەخسۇس ئەسەرلىرى بار، ئاساسلىقى كۆپ توملۇق «كرودىيە تارىخى» ئەسىرى بولۇپ، بۇ زور مىقداردىكى ئارخىپ ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ يېزىلغان، مۇھىم قىممەتكە ئىگە ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كلايتون-بۇلۋېر شەرتنامىسى

  • كلايتون-بۇلۋېر شەرتنامىسى[يەشمىسى:]» 1840-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيىنىڭ پاناما بوغىزى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يۈزىسىدىن ئىمزالىغان شەرتنامىسى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئامېرىكا نىكاراگۇئادىن ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياننى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان قانال قېزىش ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىۋالغان ھەمدە ھوندوراسنى ئامېرىكىنىڭ ھوندوراس زېمىنىدا ھەربىي بازا قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. شۇ يىلى يەنە يېڭى گېرېنادا (ھازىرقى كولومبىيە) بىلەن شەرتنامە تۈزۈپ، پاناما بوغۇزىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تاشيول، تۆمۈريول قۇرۇش ۋە قانال قېزىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇۋالغان، ئەنگلىيە بۇنىڭغا قاتتىق قارشى تۇرغان. ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، 1850-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كلايتون (John Middletom Clayton، 1796 — 1856) بىلەن ئەنگلىيىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسى بولۋېر (Willian Bulwer، 1801 — 1872) بىرلىكتە شەرتنامە ئىمزالىغان. شەرتنامىدە ئىككى تەرەپ نىكاراگوئانىڭ بىتەرەپلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، پاناما قانىلىنى قېزىشنى ۋاقىتلىق توختىتىش، ئېچىلىدىغان قانال رايونىنى ئامېرىكا-ئەنگلىيە ئورتاق باشقۇرۇشنى بەلگىلىگەن. شەرتنامە ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش ۋاقىتلىق پەسەيگەن.

كلايتوننىڭ ترېستكە قارشى قانۇنى

  • كلايتوننىڭ ترېستكە قارشى قانۇنى[يەشمىسى:]» 1914-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈزگەن قانۇن. ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى كلايتون (Henry Delamar Clayton) يېزىپ چىققان. ئاساسىي مەزمۇنى: (1) سودا رىقابىتىدە باشقىلارنى چەتكە قېقىش خاراكتېرىدىكى توختام، خالىغانچە باھانى چۈشۈرۈش قاتارلىق قانۇنسىز ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشنى مەنئى قىلىش؛ (2) كاپىتالى 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بانكىلارنى مەنئى قىلىش، سەرمايىسى 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان قىتئەلەر ئارا سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرنىڭ ئۆزئارا مۇدىر تەيىنلەش ھەرىكىتىنى مەنئى قىلىش؛ (3) ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىشىشىنى چەكلىمەسلىك؛ (4) ئەمگەكچىلەرنىڭ كاپىتالىستلارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن باشقا، سوت مەھكىمىلىرى خالىغانچە ئىش تاشلاشقا قارشى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى چىقارماسلىق؛ (5) ئىشچىلارنىڭ تىنچ ئىش تاشلاش، تەرتىپ ساقلاش ۋە بايقۇت قىلىشىنى يولغا قويۇشقا رۇخسەت قىلىش. بۇ قانۇندا شېرماننىڭ تىرېستكە قارشى قانۇنىدىكى مونوپول تەشكىلات ۋە ئىشچى-دېھقانلار ھەرىكىتىگە نىسبەتەن مۇۋاپىق بولمىغان بەلگىلىمىلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. ئامېرىكا مېھنەتكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ يولباشچىلىرى بۇنى «ئىشچىلار ئەركىنلىك خارتىيىسى» دەپ ئاتىۋالغان. بىراق، ماھىيەتتە ئەمگەكچىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىبارىسى بىلەن پۇل-مۇئامىلە كاپىتالىستلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ قېلىش رولىنى ئويناپ كەلگەن.

كلوۋې

  • كلوۋې[يەشمىسى:]»(Clovis، تەخمىنەن 465 — 511). فرانك كورۇلى. مېروۋې (Merovee) خاندانلىقىغا ئاساس سالغۇچى. مىلادى 481-يىلى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا سالىك فرانكلىرى قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى بولغان. 486-يىلى سوئىسسون (Soisson، ھازىرقى فرانسىيىنىڭ شىمالىدا) ئەتراپىدا غەربىي رىم سەردارى ساگرىس (Syagrius، ؟ — تەخمىنەن 487-يىلى) نى بىتچىت قىلىپ، لۇئارا دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى گاللىيە رايونىنى بېسىۋالغان. Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرى فرانك پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلغان. 496-يىلى ئالمانىلارنى مەغلۇپ قىلغان. شۇ يىلى 3000 كىشىلىك قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن چېركاۋ ۋە رىم گاللىيىلىكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 500-يىلى بۇرگوندىيلارغا ئەسكەر تارتقان. 507-يىلى پوئىتېرىس (Poitiers، ھازىرقى فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىغا جايلاشقان) ئەتراپىدا غەربىي گۇتلارنى مەغلۇپ قىلىپ، گاللىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىنى فرانك كورۇللىقى زېمىنىگە قوشۇۋالغان. ئالاھىزەل شۇ يىلى پارىژدا ئوردا تەسىس قىلدۇرغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ باشلىرى يەنە لاتىنچە يېزىلغان «سالىك قانۇنى» نى ئېلان قىلغان.

كلۇزېرې

  • كلۇزېرې[يەشمىسى:]»(Paul Clu Seret-Gust Ve، 1823 — 1900) 1871-يىلدىكى فرانسىيە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئەزاسى. باكۇنىنچى. 1848-يىل ئىيۇل قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. قىرىم ئۇرۇشى ۋە گارىبالدىنىڭ سىتسىلىيىگە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان. 1861-يىلى ئامېرىكىغا كەتكەن. ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىمالنىڭ ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، گېنېراللىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. كېيىن ئېرلاندىيە فېننىچىلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ئەنگلىيە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سىرتتىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1868-يىلدىن تارتىپ پارىژغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ گېزىت-ژۇرناللىرىغا ماقالە يېزىپ، ھۆكۈمەتنى قاتتىق سۆككەن ھەمدە تۇتقۇن قىلىنغان. 1870-يىلى 4-سېنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، باكۇنىن بىلەن لېئان، مارسېلدىكى ئىنقىلابىي قوزغىلاڭنى تەشكىللىگەن. 1871-يىلى پارىژ كوممۇنىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن كوممۇنا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. كېيىن كوممۇنا ھەربىي ئىشلار ۋەكىلى، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئىجرائىي كومىتېت ئەزاسى بولغان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن بېلگىيە ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدە قېچىپ يۈرگەن، سىرتتىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1880-يىلدىكى ئومۇمىي كەچۈرۈمدىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ بلانكىچىلىق ۋە سوتسىيالىزمنى قوللىغان. كۆپ قېتىم ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئۇنىڭ «ئەسلىمىلىرى» بار.

كلۇنيچىلەر ھەرىكىتى

  • كلۇنيچىلەر ھەرىكىتى[يەشمىسى:]» Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە Ⅺ ئەسىرلەردىكى كاتولىك چېركاۋىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىسلاھات ھەرىكىتى، فرانسىيىدىكى كلونىي (Cluny) موناستىرىنى مەركەز قىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. Ⅺ — Ⅹ ئەسىرلەردە رىم ۋاتىكانىنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ بارغان، مىسسىئونېرلار چۈشكۈنلىشىپ، چېركاۋلار پەيدىنپەي «دەھرىيلىشىش» كە قاراپ ماڭغان. كلونىي موناستىرى بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان. فرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، شىمالىي ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيىلەردىكى يۈزلىگەن موناستىر بۇنىڭغا پائال ئاۋاز قوشقان ھەمدە كلونىي موناستىرنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىپ، كلويىچىلەرنى ھاسىل قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى مۇنۇلار: مىسسىئونېرلارنىڭ چېركاۋلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئۆزىنىڭ يېقىن ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەركىدۇنيالىقنى ئاساس قىلىپ، مىسسىئونېرلارنىڭ ئائىلىسىدىن ئايرىلىشى ۋە تۇرمۇش قۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلىش؛ روھانىي ۋەزىپىنى ئېلىپ-بېرىشنى مەنئى قىلىش؛ دەھرىي ھۆكۈمرانلارنىڭ ئېپىسكوپ ۋە موناستىرلارنىڭ مۇدىرلىرىنى بەلگىلىشىگە قارشى تۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ، ھەرىكەتنىڭ مەشھۇر يولباشچىسى كلونىي موناستىرىنىڭ موناخى ھلدېبراند (كېيىن پاپا بولغان، يەنى گرېگورىيⅦ) كلونيچىلار ھەرىكىتى چېركاۋنىڭ كۈچلىرىنى، بولۇپمۇ پاپانىڭ كۈچىنى كۈچەيتكەن، شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى بىلەن پاپا ئوتتۇرىسىدا ئېپىسكوپنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى كېلىپ چىققان.

كلېپتKlephts

  • كلېپتKlephts[يەشمىسى:]» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. گرېتسىيە مىللىي مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرگۈچى ۋەتەنپەرۋەر جەڭچىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. Ⅹ Ⅷ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە، ئامېرىكىدىكى مۇستەقىللىك ئۇرۇشى ۋە فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ئۇلار تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوراللىق كۈرەش تەشكىللىگەن، ئەزالىرى گرېكلار، ئالبانلاردىن ئىبارەت. تۈركلەرنىڭ زور مىقداردىكى ھەربىي كۈچىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، تۈركىيىنىڭ كۈچىنى ياۋروپانىڭ باشقا جايلىرىدا ئىنتايىن زەئىپلەشتۈرگەن، گرېتسىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنمۇ، پائالىيىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، گرېتسىيىدە مۇئەييەن تەسىرىنى ساقلاپ قالغان.

كلېرمون دىنىي يىغىنى

  • كلېرمون دىنىي يىغىنى[يەشمىسى:]» 1095-يىل 11-ئاينىڭ 18 — 25-كۈنلىرى رىم پاپاسى ئوربانⅡفرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىس-مىدىكى كلېرمون (Clermont) شەھىرىدە چاقىرغان دىنىي يىغىن. يىغىنغا تۆت نەپەر ئارخېئېپىسكوپ، 200 نەپەردىن كۆپرەك ئېپىسكوپ ۋە باشقا مىسسىئونېرلار ھەمدە نۇرغۇنلىغان دەھرىي ئاقسۆڭەكلەر بىلەن رىتسارلار قاتناشقان. يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى دىنىي ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەر، مەسىلەن: فرانسىيە كورۇلى فىلىپⅠ(P hilippe Ⅰ، 1025 — 1108)نى خانىكە بېرىسا (Bertha) نى تاشلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن دىندىن قوغلاپ چىقىرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان. يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، 11-ئاينىڭ 26-كۈنى پاپا ئۇربان Ⅱ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ئۈستى ئوچۇق مەيداندا يىغىن قاتناشچىلىرى (فرانسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رىتسارلار، شەھەر پۇقرالىرى ۋە دېھقانلار)غا نۇتۇق سۆزلەپ، بىدئەتلەر (مۇسۇلمانلار) نىڭ قولىدىن «مۇقەددەس جاي» — ئېروسالىمنى تارتىۋېلىشقا چاقىرغان. ئەھلىسەلىپ قوشۇنلىرىنى شەرققە تاجاۋۇز قىلىشقا قۇتراتقان، شۇنداقلا ئەھلىسەلىپ قوشۇنىغا قاتناشقانلارنى گۇناھىدىن ساقىت قىلىدىغانلىقىنى، چېركاۋ ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 200 يىلدەك داۋام قىلغان ئەھلىسەلىپ قوشۇنىنىڭ شەرققە تاجاۋۇزى (1096 — 1291) شۇنىڭدىن ئېتىبارەن باشلانغان.

كلېستېن

  • كلېستېن[يەشمىسى:]»(Kleisthenes ياكى Cleithenes، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلى) قەدىمكى ئافىنالىق سىياسىئون. ئاددىي خەلقنىڭ يول باشچىسى. دۆلەتمەن ئالكمېئونىدې جەمەتىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، مېگاكل (Megacles) نىڭ ئوغلى، سكىئوننىڭ تىرانى — كىلىستېننىڭ نەۋرىسى. مىلادىدىن تەخمىنەن 509 يىل ئىلگىرى، ئاددىي خەلقنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، سپارتانىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئاقسۆڭەك تەرەپدارلىرىنىڭ ۋەكىلى ئىساگوراسنى (Isagoras) ئافىنادىن قوغلاپ چىقارغان. مىلادىدىن 508 — 507-يىل ئىلگىرى كونسۇل (ھاكىمىيەت باشقۇرغۇچى ئەمەلدار) بولۇپ، تۆۋەندىكىچە ئىسلاھات ئېلىپ بارغان — ئۇرۇقداش (قانداش) لىق مۇناسىۋىتى ئاساسىغا قۇرۇلغان تۆت قەبىلىنىڭ ئورنىغا، ھەربىر قەبىلە بىر-بىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولمىغان شەھەر رايونى، دېڭىز بويى ۋە ئىچكى رايونلاردىن تەركىب تاپقان ئون مەھەللىۋى قەبىلىنى دەسسەتكەن. ھەربىر قەبىلە ئاھالىلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق يېزا-جامائەسى (تەخمىنەن 170 دەك يېزا جامائەسى) غا بېرىپ نوپۇسقا ئالدۇرغان. ئافىنادىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى سايلىمى ئومۇمەن يېڭى قەبىلىلەرنى بىرلىك قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان. ئەسلى ئافىنا پۇقراسى ئەمەس كىشىلەر (ياقا يۇرتلۇقلار بىلەن قۇللار) نى ئافىنا پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشتۈرگەن. بۇرۇنقى ئۇرۇق (قانداش) داشلىق مۇناسىۋىتى سىياسىي تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ رولىنى يوقاتقان. يەنە «500 كىشىلىك سېنتورىيە» نى بۇرۇنقى (سولون بەرپا قىلغان) «400 كىشىلىك سېنتورىيە» نىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. ئومۇمەن ھەربىر قەبىلە 50 كىشىنى سايلاپ بېرىپ، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ نۆۋەت بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويغان؛ تىران ھاكىمىيىتىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشتىن ساقلىشى ئۈچۈن قۇلۇلە قېپى (ساپال پارچىلىرى) ئارقىلىق سۈرگۈن قىلىشنى يولغا قويغان (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە بىرنەچچە يىل ئۆتۈپ ئاندىن بۇ خىل سوت يولغا قويۇلغانىدى دېيىلىدۇ). كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا يەنە ئون گېنېرال تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، ھەربىر قەبىلە بىرەيلەننى گېنېراللىققا سايلاپ ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرغان. ئاساسىي قانۇن تۈزۈلمىسىدە، پۇقرالار كېڭەشمىسىنى دۆلەتنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاقسۆڭەكلەر كېڭەشمىسى (ئارېخېئوپاك) نىڭ ھوقۇقىنى يەنىلا ئاجىزلاشتۇرغان. كىشىلەر ئادەتتە ئافىنادا دېموكراتىك سىياسىي دەل مۇشۇ دەۋردە بەرپا قىلىنغان دەپ قارايدۇ.

كلېمېنتⅤ

  • كلېمېنتⅤ[يەشمىسى:]» (ClementⅤ، 1274 — 1314) رىم پاپاسى (1305 — 1314). فرانسۇز. 1299-يىلى بوردونىڭ ئارخېئېپىسكوپى بولغان. كېيىن فرانسىيە كورۇلى فىلىپⅣ نىڭ ياردىمى بىلەن پاپا بولۇپ سايلانغان. 1305-يىلى ئەھلىسەلىپ قوشۇنىنى سەپەرۋەر قىلىپ، دولچىنو قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1308-يىلى پاپىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى رىمدىن فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاۋىگنۇنغا كۆچۈرۈپ كەلگەن، شۇنىڭدىن كېيىنكى 17 يىل داۋامىدا پاپا فرانسىيە كورۇلى («ئاۋىگنۇن پاپاسى» ماددىسىغا قاراڭ) نىڭ تىزگىنلىشى ئاستىدا بولغان. كېيىن فرانسىيە كورۇلىنىڭ قىستىشى بىلەن مۇقەددەس قەسىر رىتسارلار پولكىنى بىدئەتلەر دەپ جاكارلاپ، ئۇلارنىڭ فرانسىيىدىكى بارلىق ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان. 1312-يىلى مۇقەددەس قەسىر رىتسارلار پولكىنى رەسمىي تارقىتىۋەتكەن.

كلېمېنسو

  • كلېمېنسو[يەشمىسى:]» (Georges Clemenceau، 1841 — 1929). فرانسىيە زۇڭلىسى(1906 — 1909،1917 — 1920). پارىژدا مېدىتسىنادا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىن تارتىپ جۇمھۇرىيەتچىلەر ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ كەلگەن. بىر مەھەل ئامېرىكىغا كەتكەن، فرانسىيىگە قايتىپ كېلىپ دوختۇرلۇق قىلغان. 1870-يىلى 4-سېنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، پارىژ مونمارتىر رايون باشلىقى ۋە مىللىي پارلامېنت ئەزاسى بولغان. پارىژ كوممۇنىسى دەۋرىدە كوممۇنا بىلەن ۋېرسالنى كېلىشتۈرۈپ قويۇش كويىدا بولغان. 1876 — 1893-يىللىرى ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ، رادىكاللىقى بىلەن داڭق چىقارغان، مىنىستىرلار كابىنېتىنى ئاغدۇرۇش ماھىرى بولۇش بىلەن «يولۋاس» دەپ لەقەم ئالغان. پاناما سەتچىلىكى تۈپەيلىدىن قاتتىق زەربە يېگەن. 1893-يىلى ئاخبارات ساھەسىگە يۆتكەلگەن. «ئادالەت» ۋە «تاڭ نۇرى» گېزىتلىرىنى چىقارغان. كېيىن يۇقىرى پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان (1902 — 1920). ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە (1906) كان ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىنى قاتتىق باستۇرغان. بىرىنچى قېتىم زۇڭلى بولغاندا، فرانسىيە، ئەنگلىيە، روسىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئانتانتىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلىتىپ، قىساسچىلىقنى تەرغىب قىلغان. 1917-يىلى 11-ئايدا ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كابىنېتنىڭ زۇڭلىسى، قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولۇپ، ھەممە ئۇرۇشقا بويسۇنۇش دېگەن شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كېيىن «غەلىبە ئاتىسى» دەپ نام بېرىلگەن. پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، گېرمانىيىنى ئاجىزلاشتۇرۇش كويىدا بولغان ھەمدە سوۋېت روسىيىسىگە قوراللىق مۇداخىلە قىلىشنى پائال تەشكىللىگەن. 1920-يىلى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن پېنسىيىگە چىققان. ئۇنىڭ «دېموستېن»، «كەچقۇرۇندىكى چوڭقۇر خىيال»، «غەلىبە شان-شەرىپى ۋە بالايىئاپىتى» ناملىق ئەسەرلىرى بار.

كلېئوپاتراⅦ

  • كلېئوپاتراⅦ[يەشمىسى:]» (Kleopatra ياكى Cleoptra، مىلادىدىن ئىلگىرى 69 — 30). قەدىمكى مىسىردىكى پتولېمىي سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى ئايال پادىشاھى (مىلادىدىن 51 — 30 يىللار ئىلگىرى). پادىشاھ پتولېمىي Ⅻ نىڭ (Ptolemy Ⅻ) قىزى. ئېيتىلىشىچە، گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق ساھىبجامال ئىكەن. ئوبدان تەربىيە كۆرگەن بولۇپ، مىسىرنىڭ يەرلىك تىلى ۋە باشقا كۆپ خىل تىلدا سۆزلىشەلەيدىكەن، ھوقۇقپەرەس ئىكەن. ئاتىسى ئۆلگەندىن (مىلادىدىن 51 يىل ئىلگىرى) كېيىن تەختكە چىقىپ، ئىنىسى (ھەم يولدىشى) پتولېمىي Ⅹ Ⅲ بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئوردا ئىچىدىكى جېدەل-ماجىرادا بىر مەھەل تەختتىن ھەيدەلگەن. مىلادىدىن 48 يىل ئىلگىرى رىم باش قوماندانى كائېسار مىسىرغا بېسىپ كىرگەندە، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىپ قوللىغان. كائېسارنىڭ مىسىرغا قىلغان مۇداخىلىسى ئالېكساندرىيە (ئىسكەندىرىيە) خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان، جەڭدە پتولېمىي ⅩⅢ سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 44-يىلى)، كلېئوپاترا پادىشاھلىق تەختىنى تەنھا ئىگىلىۋالغان. كائېسار بىلەن ئاشنا ئويناپ بىر ئوغۇل تۇغقان ھەمدە كائېسار بىلەن رىمغا بارغان. كائېسار ئۆلتۈرۈلگەن (مىلادىدىن 44 يىل ئىلگىرى) دىن كېيىن، مىسىرغا قايتىپ كەلگەن. مىلادىدىن 41 يىل ئىلگىرى ئانتونى (كائېسارنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردىسى) بىلەن كېلىكىيە (Cilicia، كىچىك ئاسىيا) دا ئۇچرىشىپ، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالغان. كېيىن ئانتونى بىلەن تۇرمۇش قۇرغان (مىلادىدىن 37 يىل ئىلگىرى). ئانتونى ئۆز ھوقۇقىغا تايىنىپ، ئوچۇقتىن-ئوچۇق رىمنىڭ شەرقىدىكى بىر قىسىم زېمىنىنى كلېئوپاترانىڭ ئوغلىغا ئىنئام قىلىپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان. رىم سېناتى كلېئوپاتراغا (جۈملىدىن ئانتونىنى ۋەتەن دۈشمىنى دەپ جاكارلىغان) ئۇرۇش ئېلان قىلغان. مىلادىدىن 31 يىل ئىلگىرى ئانتونى ۋە كلېئوپاترا دېڭىز فلوتىنى باشلاپ ئوكتاۋىئان (ئاۋگۇست) بىلەن ئاكسىئوم دېڭىز تۇمشۇقىدا (گرېتسىيىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا) ئۇرۇش قىلغان، جەڭ ئالدىدا كلېئوپاترا توساتتىن ئانتونىنى تاشلاپ قاچقان. ئانتونى مەغلۇپ بولۇپ مىسىرغىچە ئەگىشىپ كېلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. كلېئوپاترا ئوكتاۋىئاننى ئۆزىگە رام قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، ئىشقا ئاشماي قالغان. ئوكتاۋىئان غەلىبە بىلەن رىمغا قايتقان. كلېئوپاترا ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان (ئېيتىلىشىچە زەھەرلىك يىلانغا ئۆزىنى چاقتۇرۇپ ئۆلگەن). شۇنىڭ بىلەن پتولېمىي خاندانلىقى ئاياغلىشىپ، مىسىر رىمنىڭ تەۋەسىگە قوشۇۋېلىنغان. ئۇنىڭ رومانتىك تراگېدىيىسى كېيىنكىلەرنىڭ ئەدەبىي سۇژىتىغا ئايلانغان، بولۇپمۇ شىكسپېرنىڭ مۇناسىۋەتلىك دراما ئەسەرلىرى بىلەن مەشھۇر بولۇپ كەلگەن.

كلېئومېنⅢ

  • كلېئومېنⅢ[يەشمىسى:]» (Kleomenes Ⅲ ياكى Cleomenes Ⅲ، مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 255 — 219) قەدىمكى سپارتانىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 235 — 222 ). لىئوند Ⅱ نىڭ ئوغلى. ئاگېس Ⅳ نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، سپارتادىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ، جەنۇبىي گرېتسىيىدىكى زوراۋانلىق ھوقۇقىنى يېڭىباشتىن تىكلەش غەرىزىدە، لىكۇرگ زامانىدىكى كونا تۈزۈمنى ۋە ئاللىقاچان يىمىرىلگەن «باراۋەرچىلەر جامائەسى»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. مىلادىدىن 235 يىل ئىلگىرى ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، قوراللىق كۈچ بىلەن ئۆزىنىڭ ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان؛ بىرنەچچە نەپەر مۇپەتتىش ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈرگەن، بىر تۈركۈم ئاقسۆڭەكلەرنى سۈرگۈن قىلغان. سېنات ۋە مۇپەتتىش ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. قەرزلەرنى بىكار قىلىپ، يەرلەرنى قايتا تەقسىم قىلىپ بەرگەن ھەمدە 4500 نەپەر ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنغان پېرېكىلارغا پۇقرالىق ھوقۇقى بەرگەن. بۇ ئىسلاھات ئاقسۆڭەك مۇتەئەسسىپلەرنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان ھەمدە ئاكائىيە ئىتتىپاقى (ئاراتۇ باشچىلىقىدىكى) ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرى ھۆكۈمرانلىرىنى ۋەھىمىگە قويغان. ئاكائىيە ئىتتىپاقى ماكېدونىيە بىلەن بىرلىشىپ مۇداخىلە يۈرگۈزگەن. سپارتا ئارمىيىسى باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، مىلادىدىن 222 يىل ئىلگىرى سېللاسىيە (Sellasia سپارتانىڭ شىمالىي قىسمىدا) جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ، مىسىرغا قېچىپ كەتكەن. دەسلەپ مىسىر پادىشاھى پىتولېمىي Ⅲ نىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. بىراق پىتولېمىي Ⅳ (Philo Pator، فلوپات) تەختىگە چىققاندىن كېيىن قاماپ قويۇلغان. ئۇ، كېيىن تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ، قايتا باش كۆتۈرمەكچى بولغان، بىراق ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشقۇچىلار بولمىغانلىقتىن ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ماكېدونىيە ئارمىيىسى سىپارتاغا بېسىپ كىرىپ، يۇقىرىقى ئىسلاھاتنى پۈتۈنلەي بىكار قىلغان.

كلېۋېلاند

  • كلېۋېلاند[يەشمىسى:]»(Stephen Grover Cleveland،1837 — 1908) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1885 — 1889، 1893 — 1897). دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. ئاقساقاللار كېڭىشىدىكى باستېر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ئادۋوكات بولغان. 1882-يىلى نيۇ-يورك شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە، خيانەتچىلىك كەيپ-ساپاچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنى پاكلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، تولىمۇ ئۈستۈن بولغان قوغدىنىش چېگرا بېجى سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. 1893-يىلى يەنە بىر نۆۋەت زۇڭتۇڭ بولغاندا، ئىقتىسادىي كرىزىسقا دۇچ كەلگەن. زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە پۇل پاخاللىقىغا قارشى تۇرۇپ، پارلامېنتنى «شېرمان كۈمۈش سېتىۋېلىش قانۇن لايىھىسى» نى بىكار قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. 1894-يىلى چىكاگو پۇلمان پويىز شىركىتى ئىشچىلىرى بىلەن تۆمۈريول ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىنى باستۇرغان. ئەنگلىيىگە قاراشلىق گۋىئانا بىلەن ۋېنسۇئېلانىڭ چېگرا توقۇنۇشىغا مونروچىلىق مەۋقەسىدە تۈرۈپ ئارىلىشىپ، ئەنگلىيىنى كېسىمنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلغان.

كلېيتون پىلانى

  • كلېيتون پىلانى[يەشمىسى:]» ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىنىڭ ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان ئىقتىسادىي سىياسىتى. 1945-يىلى 2 — 3-ئايلاردا مېكسىكىدا چاقىرىلغان پان ئامېرىكا پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلىرى بويىچە ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كلېيتون ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى ئەللەر «ئىقتىسادىي مىللەتچىلىك» كە خاتىمە بېرىش، گومرۇك توساقلىرىنى بىكار قىلىش، ئەركىن سودا، ئەركىن مەبلەغ ۋە ئەركىن كارخانىدىن ئىبارەت ئۈچ پرىنسىپنى يولغا قويۇش كېرەك دېگەننى تەرغىپ قىلغان، بۇ كلېيتون پىلانى دەپ ئاتالغان. بۇ ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا قارىتا يولغا قويغان ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىك قىلىش پىلانى بولغاچقا لاتىن ئامېرىكىسى خەلقنىڭ كەڭ كۆلەملىك قارشىلىقىنى قوزغىغان. بىراق يىغىننىڭ ئاخىرىدا ماقۇللانغان «ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى خارتىيىسى» دە يەنىلا بۇ مەزمۇنلار ئاساسەن قوبۇل قىلىنغان.

كلىۋې

  • كلىۋې[يەشمىسى:]» (Robert Clive، 1725 — 1774) ئەنگلىيىلىك مۇستەملىكىچى، بېنگال ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى (1757 — 1760، 1765 — 1767). ھېروپ ۋىلايىتىدىكى بىر كىچىك پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1743-يىلى ھىندىستاندىكى مادراسقا ئەۋەتىلىپ، ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىدە كاتىپ بولغان. ئىككىنچى قېتىملىق كارناتىك ئۇرۇشىدا (1749 — 1754) خىزمەت كۆرسەتكەن. كېيىن مادراس ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى بولغان. 1757-يىلى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ ئەنگلىيىنىڭ كالكۇتتادىكى سودا پونكىتلىرىنى قايتۇرۇۋالغان. پلاسىي جېڭىنى پلانلاپ، بېنگال ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 234 مىڭ فوندستېرلىڭ شىلىۋالغان. 1760-يىلى ئەنگلىيىگە قايتىپ كەلگەن، ئىرلاندىيە ئاقسۆڭىكى، پلاسسىي بارونى ئۇنۋانى بېرىلگەن. 1765-يىلى يەنە بىر نۆۋەت ھىندىستانغا كېلىپ، ئۆلكە ۋالىيسى بولغان. ۋالىي بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى بېنگال، بىخار ۋە ئورسسانىڭ مالىيە باج كىرىمىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، قوش باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بەرپا قىلغان. 1767-يىلى ھىندىستاندىن ئايرىلىپ ئەنگلىيىگە قايتىپ كەتكەن. كېيىن ھۆكۈمران گۇرۇھلارنىڭ ئىچكى زىددىيىتى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

كليۇچېۋسكى

  • كليۇچېۋسكى[يەشمىسى:]» (Василий Осипович Ключевский، 1841 — 1911) روسىيىلىك تارىخشۇناس. موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1867-يىلدىن باشلاپ موسكۋا تېنولوگىيە ئىنستىتۇتى قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1882-يىلى دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ھەمدە موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ روسىيە تارىخى پروفېسسورى بولغان. 1900-يىلى روسىيە تارىخى ۋە قەدىمكى يادىكارلىقلار پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. 1893 — 1905-يىللىرى روسىيە تارىخى ۋە قەدىمكى يادىكارلىقلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ كادېتلارنىڭ ئوڭ قانىتىغا تەۋە بولۇپ، چار پادىشاھ مۇستەبىت تۈزۈمىگە قارشى چىققان. بىراق يەنە ئىنقىلابتىن قورقۇپ كەلگەن. تارىخ تەتقىقاتىدا ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئامىللار ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. 1882-يىلى نەشىردىن چىققان «قەدىمكى رۇس ئاقسۆڭەكلەر كېڭەشمىسى» ناملىق كىتابىدا Ⅹ ئەسىردىن ⅩⅧ ئەسىرگىچە بولغان روسىيىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى نۇقتىلىق بايان قىلغان؛ «روسىيىدە يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق كىتابىدا بولسا ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىزاھلاشقا ئىنتىلگەن. كېيىن روسىيە مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنىڭ «روسىيە تارىخ دەرسلىكى» دېگەن ئەسىرىدە بىر ئۆمۈرلۈك تەتقىقاتىنىڭ جەۋھىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، تارىخشۇناسلىقىدىكى مەشھۇر ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كېيىن سەككىز توملۇق «كليۇچېۋسكىي ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

كنوسسوس

  • كنوسسوس[يەشمىسى:]»«كنوسوس» قا قارالسۇن.

كنوسوس

  • كنوسوس[يەشمىسى:]»(Knossos ياكى Cnossus ياكى Gnosus) كرىت ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى قەدىمىي شەھەر. كائېراتۇس (Caeratus) دەرياسى بويىغا — ئوتتۇرا دېڭىزغا يېقىن جايغا جايلاشقان؛ يېرى مۇنبەت، دېڭىزدىكى پايدىلىق شارائىتىغا ئىگە، ئېگېي مەدەنىيىتىنىڭ بىر مۇھىم مەركىزىي. يۇنان رىۋايەتلىرىدىكى مىنوس (Minos) پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى، رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، خاسىيەتلىك ئوستا دائېدالۇس (Daedalus) مىنوس خان ئوردىسى («سىرلىق ئوردا») نى سالغان؛ تەكشۈرۈپ دەلىللىنىشىچە، بۇ شەھەرنى ئەڭ دەسلەپ مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرى غەيرىي يۇنان تىلىدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر سالغان، مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلدىن كېيىن دۆلەت قۇرۇلغان ھەمدە بىر مەھەل روناق تاپقان. ئۇ ئېگېي دېڭىز شەھىرى دەپ ئاتالغان (مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅤ —ⅩⅧ ئەسىرلەر). تەخمىنەن مىلادىدىن 1400 يىل ئىلگىرى يانارتاغ پارتلاش بىلەن بەربات بولغان بولۇشى مۇمكىن، كېيىن ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىغا كىرىدىغان يۇنان تىلىدا سۆزلەيدىغان كىشىلەر كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئېگېي مەدەنىيىتى شۇنىڭدىن كېيىن مىسېنې مەركەز قىلىنغان دەۋرگە كىرگەن. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە ئارخېئولوگى ئېۋانىس قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قېزىپ، ئېگېي مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى زور دەرىجىدە تولۇقلىغان.

كوببېت

  • كوببېت[يەشمىسى:]»(William Cobbett، 1762 — 1835) ئەنگلىيىلىك مۇخبىر. دەسلەپكى يىللىرى ئەنگلىيە ئارمىيىسىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن. كېيىن ئارمىيە ئىچىدىكى ناچار ئىللەتلەرنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكىدا سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇر بولغان ھەمدە فىلادېلفىيە شەھىرىدە مۇخبىرلىق ھاياتىنى باشلىغان. 1800-يىلى ئەنگلىيىگە قايتىپ كەلگەن. 1802-يىلى «كوببېت سىياسىي خاتىرىلەر ھەپتىلىك گېزىتى» نى نەشىر قىلىپ، كاتتا زەردارلار ۋە يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئولىگارخىيىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى قاتتىق سۆكۈپ، دېموكراتىك ئىسلاھاتنى تەرغىپ قىلىپ، پارلامېنت سايلىمىنى ئىسلاھ قىلىشنى، يېڭىدىن گۈللەنگەن سانائەت شەھەرلىرىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلغان. شۇ ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا بۇرژۇئازىيە رادىكاللىرىنىڭ ئاساسلىق سىياسىي داھىيسىغا ئايلانغان. 1810-يىلى ماقالە ئېلان قىلىپ، ئارمىيە ئىچىدە قامچىلاش جازاسىنىڭ يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەنلىكتىن، جازاغا تارتىلغان. 1817 — 1819-يىللىرى يەنە ئامېرىكىغا بارغان. 1819-يىلى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، داۋاملىق سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1832-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. «پروتېستانت دىنىنىڭ ئىسلاھات تارىخى»، «ياشلارغا مەسلىھەت»، «سەھرا خاتىرىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

كوبدېن

  • كوبدېن[يەشمىسى:]» (Richard Cobden، 1804 — 1865) ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئەنگلىيە ئەركىن سودا تەرەپدارلىرىنىڭ ۋەكىلى، دەسلەپ دۇكان خىزمەتچىسى بولغان. 1831-يىلى مانچىستېرغا كۆچۈپ كېلىپ، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە پاختا رەخت بوياقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ بېيىغان. 1831-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. سۆزگە ئۇستا بولۇپ، ئىزچىل تۈردە سودا ئەركىنلىكىنى تەرغىپ قىلغان. 1838 — 1846-يىللىرى «ئاشلىق قانۇنىغا قارشى ئىتتىپاق» تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىكىگە قارىتا قوغدىنىش چېگرا بېجى سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا قارشى تۇرغان. ئەنگلىيە سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئەركىن سودا، ئەركىن رىقابەتنى تەشەببۇس قىلغان. سودىنى تىنچ كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئەللەر بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشنى كۈچىنىڭ بارىچە ئىلگىرى سۈرگەن. 1860-يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن فرانسىيە بىلەن كېڭىشىپ «ئەنگلىيە-فرانسىيە سودا كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان. «سىياسىي ئوبزور»، «نۇتۇق» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

كوبورگ خاندانلىقى

  • كوبورگ خاندانلىقى[يەشمىسى:]» ⅩⅨ ئەسىردىن ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىغىچە بۇلغارىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان خاندانلىق (1887 — 1908-يىللىرى كىنەزلىك؛ 1908 — 1946-يىللىرى خاندانلىق بولغان). فېردىناند Ⅰ (1887 —1908-يىللىرى كىنەز، 1908 — 1918-يىللىرى پادىشاھ بولغان) قۇرغان، گېرمانىيىنىڭ ساكسېن-كوبورگ-كوھارى (Coburg-Sachsen-Kohary) جەمەتىگە مەنسۇپ بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا، گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق بولغاچقا، تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان. تەختكە ئۇنىڭ ئوغلى بورىس Ⅲ ۋارىسلىق قىلغان (Boros Ⅲ،1908 — 1943).بورىس ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭئوغلى سىميون Ⅱ (SimeonⅡ، 1943 — 1946) تەختتە ئولتۇرغان، بىراق ئۇ گۆدەك بولغانلىقتىن، نايىب كېڭەش ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 1944-يىلى بۇلغارىيە خەلق دېموكراتىك ئىنقىلابىي غەلىبە قازىنىپ، 1946-يىلى 9-ئايدا خەلق پارلامېنتى خانلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ھەققىدە پەرمان ماقۇللىغاندىن كېيىن، خاندانلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان.

كوپپېرخېئاد (مىس باشلىق يىلان)

  • كوپپېرخېئاد (مىس باشلىق يىلان)[يەشمىسى:]» ئامېرىكىنىڭ شىمال-جەنۇب ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شىمالىي قىسىمدىكى دېموكراتلار پارتىيىسىدىن لىنكولن ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى توپىلاڭنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىشىغا قارشى چىققان كىشىلەرگە قارىتىلغان، ئۇلار شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مىس باشلىق يىلان(Copperhead) غا ئوخشاش زەھەرلىك دەپ تەمسىل قىلىنغان. ئەڭ دەسلىپىدە 1861-يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى «نيۇ-يورك مۇنبىرى» گېزىتىدە كۆرۈلگەن. توپىلاڭ چىقارغان جەنۇب ئىتتىپاقى بىلەن سۆھبەتلىشىپ سۈلھ تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى تىنچلىق تەرەپدارلىرى دەپمۇ ئاتالغان. ۋەكىللىرى ۋاللاندىگھام (Clement Laird Vallandigham)، ئالېكساندرلونگ (Alexander Long)، ۋوئود (Fernando Wood)قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ گۇرۇھنىڭ ئىندىيانا، ئىلسۇس قاتارلىق شتاتلاردا تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولۇپ، ئۇرۇشقا قارشى تەشۋىقات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا رىتسارلار پولكى قاتارلىق ئۇرۇشقا قارشى تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، جەنۇب ئىتتىپاقىغا ماسلىشىپ ھەرخىل بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.

كوپېر

  • كوپېر[يەشمىسى:]»(1) جىمىس فېنىموركوپېر (James Fenimore Cooper، 1789 — 1851)ئامېرىكىلىق يازغۇچى. يېڭى جېرىسېي شتاتىدا پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ھېرو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى يىل ئوقۇپ، مەكتەپتىن چېكىنىپ دېڭىز ئارمىيىسىگە كىرگەن. 1811-يىلى ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ يۇرتىغا كەتكەن. 1821-يىلى ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنى مەزمۇن قىلغان «جاسۇس» ناملىق رومانىنى يېزىپ چىققان. كۆپ قېتىم ياۋروپادا ساياھەتتە بولغان. 1833-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ، نيۇ-يورك شتاتىدىكى كوپېرىستونغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ھاياتىدا 30 دىن كۆپرەك رومان يازغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «بوغما پۇت ھېكايىلىرى توپلىمى» بولۇپ، «بوز يەر ئاچقۇچى»، «ئېكسپېدىستىيىچى»، «ئەڭ ئاخىرقى بىر موھېگان»، «يايلاق»، «بۇغا ئۆلتۈرگۈچى» دىن ئىبارەت بەش رومانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇش خۇيلۇقى ۋە بوزيەر ئاچقۇچىنىڭ باتۇرانە روھىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ھېكايىلىرى ھامان ئورمان بىلەن دېڭىز-ئوكياننى ئۆزىگە ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. ۋەقەلىكنى ئەگرى-توقاي قورقۇنچلۇق قىلىپ تەسۋىرلىگەن. ئاپتورنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان ئىندىئانلارغا بولغان ھېسداشلىقىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. (2) توماس كوپېر (Thomas Cooper، 1759 — 1839) ئامېرىكىلىق ئاقارتىش مۇتەپەككۇرى، خىمىيە ئالىمى. ئەنگلىيىدە تۇغۇلغان. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1794-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىپ، پېنسىلۋانىيە شتاتىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1804— 1811-يىللىرى ئادۋوكاتلىق قىلغان. 1811 — 1819-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دىكىنسون ئىنستىتۇتى ۋە پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىمىيە پروفېسسورى بولغان. 1820-يىلى جەنۇبىي كارولىنا ئىنستىتۇتىدا مۇئەللىمچىلىك قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ سايلانغان. ماقالە يېزىپ قوشما شتات ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىقتىن نەچچە ئاي نەزەربەندكە ئېلىنغان. ئۇ، ماددىنىڭ ئەبەدىيلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ئىدىيە — يۈكسەك دەرىجىدە تەشكىللەنگەن ماددا، ئۇ تەبىئەت قانۇنىغا بويسۇنىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. روھنىڭ ئۆلمەسلىك تەلىماتىنى ئىنكار قىلغان، بىراق تەبىئەت ئىلاھچىلىقى دائىرىسىدىن ھالقىپ چىقالمىغان، كىشىلەر تۇغۇلۇش بىلەنلا باراۋەر دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، بىراق قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى ئەسەرلەرگە جېنىنىڭ بارىچە قارشى تۇرغان ھەمدە قۇلنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش «تەبىئىي ئادالەت» دېگەننى ئىسپاتلاپ بېرىش كويىدا بولغان. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى خىمىيە ۋە سىياسىي ئىقتىساد دەرسلىكلىرىنى تۈزۈپ چىقىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ «سىياسىي ئىلمىي ماقالىلىرى توپلىمى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

كوپېرنىك

  • كوپېرنىك[يەشمىسى:]»(Mikofaj Kopernik، 1473 — 1543) پولشالىق ئاسترونوم. تورۇن (Torun) شەھىرىدىكى بىر باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1483-يىلى دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، فرومبورك (Frombork، Frauen burg فراۋېنبۇرك دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دىكى مىسسىئونېر (كېيىن ئېپىسكوپ بولغان) تاغىسى بېقىپ چوڭ قىلغان. 1491 — 1494-يىللىرى كراكوۋ داشۆسىدە ئوقۇغان، ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتىكىغا ئائىت نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئوقۇغان. تەخمىنەن 1495-يىلى ئىتالىيىدىكى بولۇنيا داشۆسىدە چېركاۋ قانۇنى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتىكىنى داۋاملىق تەتقىق قىلغان. گرېكچىگە پىششىق. ئۇ يەنە پادوۋا داشۆسىدە مېدىتسىنانى تەتقىق قىلغان. 1504-يىلى پولشاغا قايتىپ، ئېپىسكوپ تۇرۇۋاتقان لىدزبارك (Lidzbark، نېمىسچە ھېيلىسبېرگ < Heilabreg>) تا تاغىسىنىڭ كاتىپى ۋە خۇسۇسىي دوختۇرى بولغان. 1512-يىلى تاغىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، فرومبورگقا قايتىپ مىسسىئونېر بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چېركاۋنىڭ بالىخانىسىدا بىر كىچىك رەسەتخانا قۇرۇپ، ئاسمان جىسىملىرىنى 30 نەچچە يىل كۆزەتكەن. تەخمىنەن 1536-يىلى «ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى توغرىسىدا» (1543-يىلى نەشىر قىلىنغان) دېگەن مەشھۇر ئەسەرنى يېزىپ پتولېمىينىڭ «يەر شارى مەركەز تەلىماتى» نى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، «قۇياش مەركەز تەلىماتى» (يەنى قۇياشنى مەركەز قىلىش تەلىماتى ياكى يەر ھەرىكىتى تەلىماتى) نى بەرپا قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: يەر شارى ئالەمنىڭ مەركىزىي ئەمەس، پەقەتلا قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان ئاددىي پلانت، ئۇنىڭ ئۆزى يەر ئوقىنى مەركەز قىلىپ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. بۇ تەلىماتنىڭ بەرپا قىلىنىشى غەربتە مىڭ يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان يەر مەركەز تەلىماتىنى ئىنكار قىلىپ، تەبىئىي پەننى ئىلاھىيەتتىن ئازاد قىلغان، بۇ ئالەم قارىشىدىكى زور بۆسۈش بولۇپ، دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە. كېيىن برونو ۋە كېپلېر كوپېرنىكنىڭ تەلىماتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرغان.

كوپېنھاگېن ئۇرۇشى

  • كوپېنھاگېن ئۇرۇشى[يەشمىسى:]» ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دانىيىنىڭ ئەنگلىيىنىڭ دېڭىزدىكى تۇتقۇن قىلىشىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، دانىيە بىلەن نورۋېگىيىنىڭ دېڭىز ترانسپورت ئىشلىرى گۈللەنگەن، ئەنگلىيە ئۇنى چەكلىگەن ھەمدە دېڭىزدا دانىيە، نورۋېگىيىنىڭ سودا كېمىلىرىنى تۇتۇپ قالغان. 1800-يىل 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، دانىيە فرانسىيىنىڭ قوللىشى ئاستىدا روسىيە، پرۇسسىيە ۋە شۋېتسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئەنگلىيىنىڭ دېڭىزدىكى تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلغان. 1801-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى پاكېر (Hyde Paker) بىلەن نارسون باشچىلىقىدىكى فلوتنى دانىيە دېڭىز تەۋەسىگە كىرگۈزۈپ، دانىيىگە ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىقىش ھەققىدە ئولتۇماتوم چىقارغان. دانىيە ئۇنى رەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قوزغالغان. 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەتىگەندە، نارسون كوپېنھاگېنغا ھۇجۇم قىلغان. بەش سائەت داۋام قىلغان جىددىي جەڭدە دانىيە ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ، سۈلھ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 4-ئاينىڭ 6-كۈنى كېلىشىم ئىمزالاپ، ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان.

كوتتې

  • كوتتې[يەشمىسى:]» سەيلون (ھازىرقى سېرىلانكا) دىكى سېنكېرولارنىڭ دۆلىتى (1445 — 1597). پاراكراما باخⅥ (ParakramabahⅥ، جۇڭگو تارىخلىرىدا بۇلاگېما باخۇلاپى دەپ ئاتالغان، 1415 — 1467-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن قۇرۇلغان. پايتەختى كوتتې (Kotte، كولومبونىڭ شەرقىي جەنۇبىدا). 1450-يىلى شىمالدىكى جاۋونا بەگلىكىنى بويسۇندۇرۇپ، پۈتكۈل ئارالنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. پاراكراما باخ Ⅵ ئۆلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ دۆلەت يەنە پارچىلىنىپ، جاۋونا بەگلىكى يېڭىباشتىن مۇستەقىل بولغان، ئوتتۇرا قىسىمدىكى تاغلىق رايوندا كاندى بەگلىكى بارلىققا كەلگەن. 1505-يىلى پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىغان. 1518-يىلى كوتتې پادىشاھى پورتۇگالىيە بىلەن سودا شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئۇلارنىڭ كولومبودا قەلئە قۇرۇشىغا ۋە سودا سارايلىرىنى ئېچىشىغا رۇخسەت قىلغان.1521-يىلى بۇ بەگلىك ئۈچ قىسىمغا پارچىلىنىپ، ئۆزئارا ئۇرۇشقان. پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇداخىلە قىلىپ، كوتتې پادىشاھىنى كونترول قىلىۋالغان.1580-يىلى، كاتولىك دىنىغا كىرگەن پادىشاھ دون يۇئان دارماپالا (Don Juan Dharmapala،1551 — 1597) پورتۇگالىيىلىكلەرنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن، دۆلەت زېمىنىنى پورتۇگالىيە پادىشاھىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. 1597-يىلى پورتۇگالىيە كوتتې بەگلىكىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان.

كوتوكۇئاكىمىزۇ

  • كوتوكۇئاكىمىزۇ[يەشمىسى:]»(1871 — 1911) ياپونىيىلىك سوتسىيالىست. ئەسلى ئىسمى تىسۇ توجىرو. مىللىي ئىنگلىزچە مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. «ئەركىن خەۋەر»، «مەركەز خەۋەرلىرى» نىڭ مۇخبىرى بولغان. 1898-يىلى سوتسىيالىزم تەتقىقات جەمئىيىتىگە قاتناشقان. 1901-يىلى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1903-يىلى ساكى خىكو بىلەن ئاددىي خەلق جەمئىيىتىنى تەشكىللەپ، «ئاددىي خەلق خەۋەرلىرى» نى نەشىر قىلىپ، ئۇرۇشقا قارشى ھەرىكەت ۋە سوتسىيالىستىك ھەرىكەتلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1905-يىلى ئامېرىكىغا قېچىپ كېتىپ، ھۆكۈمەتسىزلىككە مايىللىشىشقا باشلىغان. 1906-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پارلامېنت كۈرىشى نەزەرىيىسىنى تەنقىد قىلىپ، «بىۋاسىتە ھەرىكەت نەزەرىيىسى» نى تەشەببۇس قىلغان. 1910-يىلى مايدىكى «چوڭ ئاسىيلىق ۋەقەسى» ۋاقتىدا قولغا ئېلىنىپ، ئىككىنچى يىلى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن، «ⅩⅩ ئەسىردىكى غەلىتە مەخلۇق — جاھانگىرلىك»، «سوتسىيالىزمنىڭ مۇقەددەس جەۋھىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. كېيىن Ⅱتوملۇق «كوتوكۇ ئاكىمىزۇ ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

كۇتۇكۇ ۋەقەسى

  • كۇتۇكۇ ۋەقەسى[يەشمىسى:]» يەنى «چوڭ ئاسىيلىق ۋەقەسى».

كوتون

  • كوتون[يەشمىسى:]» (Geor ges Couthon،1755 — 1794) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي مەزگىلىدىكى ياكوبىنچىلارنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى. ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پۇتى پالەچ، ئۇستا ناتىق، 1790-يىلى كلېرمون شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان، ئىككىنچى يىلى قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، ياكوبىنچىلارنىڭ جارچىسىغا ئايلانغان. 1792-يىلى 9-ئايدا مىللىي ئۇيۇشمىغا سايلانغان. 1793-يىل 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتىغا قاتنىشىپ، 8-ئايدا لېئان ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلىڭىنى باستۇرغان، 12-ئاينىڭ 21-كۈنى مىللىي ئۇيۇشما رەئىسلىكىگە سايلانغان. روبىسپېر، سېن-جۇست قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرىسىنىڭ يادرولۇق ئەربابى بولۇپ قالغان. 1794-يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، مىللىي ئۇيۇشمىغا چوپان ئېيى پەرمانىنى سۇنۇپ، تېررورلۇق دىكتاتۇرىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن. شۇ يىلى تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدە قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئۇنىڭ خەت-چەكلىرى توپلىمى بار.

كۇتۇزوۋ

  • كۇتۇزوۋ[يەشمىسى:]» (Михаил Илларионович Кутузов [Голенищев - Кутузов]، 1745 — 1813) روسىيە مارشالى. توپچىلار قۇرۇلۇش مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1768 — 1774 ۋە 1787 —1891-يىللىرىدىكى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1792 — 1794-يىللىرى ئەلچىلەر ئۆمىكىنى باشلاپ تۈركىيىگە بېرىپ دىپلوماتىيە سۆھبىتى ئېلىپ بارغان. 1794-يىلدىن باشلاپ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ھەربىي مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، روسىيىنىڭ فىنلاندىيىدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى، لاتۋىيە، پېتېربۇرگ ئوبلاستىنىڭ باشلىقى بولغان. 1805-يىلى روسىيە، ئاۋسترىيە، ئەنگلىيە ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇش قىلغاندا روسىيىنىڭ ئاۋسترىيىدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. ئوستېرلىتىس جېڭىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئورنى تۆۋەنلىتىلىپ كىيېۋ ۋە لاتۋىيە گوبىرناتورى بولغان. 1811 — 1812-يىللىرى روسىيە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ تۈركىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، تۈركىيىنى «بۇخارېست سۈلھ شەرتنامىسى» غا قول قويۇشقا مەجبۇر قىلغان. 1812-يىلى ناپولېئون روسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغاندا، 8-ئايدا روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان، ئىلگ9ىرى-ئاخىر بولۇپ بورودىنو ۋە تارودىننو جەڭلىرىگە قوماندانلىق قىلغان ھەمدە بېرىزېنا دەرياسى بويىدا فرانسىيە ئارمىيىسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 12-ئايدا سىمولنىسىك گېرتسوگى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1813-يىلى روسىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇزاق ئۆتمەي كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.

كوتى

  • كوتى[يەشمىسى:]»(Rene coty، 1882 — 1962) فرانسىيە زۇڭتۇڭى (1954 — 1958). دەسلەپ ئادۋوكات بولغان. 1923-يىلىدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى، 1935-يىلدىن باشلاپ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا فرانسىيە مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن خىزمەتتىن بوشاپ كەتكەن. ئۇرۇشتىن كېيىن قانۇن تۈزۈش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1947 — 1948-يىللىرى قايتا قۇرۇش ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1949-يىلى كېڭەش پالاتاسىغا مۇئاۋىن باشلىق بولۇپ سايلانغان. زۇڭتۇڭلۇقنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، 1958-يىلى سىياسىي كرىزىس پارتلاپ دى گوللغا ھۆكۈمەت تەشكىللەش ھوقۇقىنى بەرگەن ھەمدە كېيىنكى يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

كوتىسىيۇبىنىسكىي

  • كوتىسىيۇبىنىسكىي[يەشمىسى:]» (Михаил Миxайлович Коцюбинский،1864— 1913) ئۇكرائىنالىق يازغۇچى، ئىنقىلابىي دېموكراتىزمچى. كىچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مىسسىئونېرلار ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. نارودنىك پارتىيىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلغانلىقتىن 1882-يىلى قولغا ئېلىنغان. 1890-يىلىدىن باشلاپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئەسەرلىرىدە ئاساسەن، ئۇكرائىنادىكى ھەرقايسى قاتلام خەلقنىڭ، خۇسۇسەن دېھقانلارنىڭ سىنىپىي زۇلۇم ۋە مىللىي زۇلۇمغاقارشىلىقلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرەشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ «كۈلكە»، «يولدا»، «گۇناھسىز ئات» قاتارلىق ھېكايىلىرىدە، چارروسىيە تۈزۈمىنىڭ ۋەھشىيلىكى ۋە ئەركىن بۇرژۇئازىيىنىڭ خەلققە قارشى قىياپىتى ئېچىپ تاشلانغان. «خىيالىي مەنزىرە» ناملىق پوۋېستىدا، 1905-يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە ئۇكرائىنا دېھقانلىرىنىڭ قوزغىلىڭى ۋە ئىشچىلارنىڭ يېزىلاردا ئېلىپ بارغان ئىنقىلابىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرى تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭ كېيىنكى ئەسەرلىرى گوركىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

كوجى جەمئىيىتى

  • كوجى جەمئىيىتى[يەشمىسى:]» ياپونىيىدىكى يۇزون جەمئىيىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئوڭ قانات تەشكىلات. 1925-يىلى 2-ئايدا قۇرۇلغان. ئوكاۋاشۇمې، مىزوكاۋا كامېتارو مەركىزىي شەخسلەردىن ئىبارەت. «ئايلىق ژۇرنال ياپونىيە» ئۇنىڭ ئورگان ژۇرنىلى. «يېڭىلىققا كۆچكەن ياپونىيە قۇرۇپ چىقىش»، «خەلق غايىسىنى تىكلەش»، «رەڭلىك ئىرقلارنى ئازاد قىلىش»، «ئەخلاق ۋە ئادالەت ئارقىلىق دۇنيانى بىرلىككە كەلتۈرۈش» قاتارلىق پروگراممىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا ئىجتىمائىي مائارىپ ئورۇنلىرى (كېيىن «ئۇنىۋېرسىتېت» دەپ ئۆزگەرتىلگەن) نى تەسىس قىلىپ، ياشلارنى تەربىيىلىگەن. ياش ئەزىمەتلەر گۇرۇھىدىكى ئوفىتسېرلار بىلەن ئالاقىسى قويۇق بولۇپ، فاشىستىك ھەرىكەتلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن يولغا قويغان. 1932-يىلى 2-ئايدا تەڭرى لەشكەرلىرى ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللەشكە قاتنىشىپ، 4-ئايدا ئۆزلۈكىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن.

كوخ

  • كوخ[يەشمىسى:]»(Robert Koch، 843 — 1910) گېرمانىيىلىك باكتېرىئولوگ. سىل تاياقچە باكتېرىيىسىنى تاپقان. گۈتتىنگىن داشۆسىنىڭ مېدىتسىنا دوكتورى. بېرلىن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. قاتتىق ئۆستۈرگۈچ ئوزۇق ئارقىلىق «ساپ باكتېرىيە ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى» نى كەشپ قىلغان. ھەممىدىن ئاۋۋال بوياش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، باكتېرىيىنىڭ ھالىتىنى كۆزەتكەن ھەمدە كۆيدۈرگە تاياقچىسى (1876)، سىل تاياقچە باكتېرىيىسى (1882) ۋە ۋابا تىرناقسىمان باكتېرىيىسى (1883) نى ئاجرىتىپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەزكۇر باكتېرىيىلەر بىلەن كېسەللىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلاپ، مەلۇم بىر خىل مىكروپنىڭ مەلۇم بىر خىل كېسەللىكنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىدىغان «كوخ پرىنسىپى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. ساپ ئۆستۈرۈش ئارقىلىق مىكروب ھالىتى ئۆزگىرىشچان بولىدۇ دەيدىغان كۆپ ھالەتلىك ئىلمىي ئېقىمنىڭ كۆز قارىشىنى ئىنكار قىلغان، لېكىن مىكروبنىڭ ھالىتى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ دەپ ھېسابلىغان. 1905-يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. «باكتېرىيىنى ساقلاش ۋە سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلى تەتقىقاتى» دېگەن ئەسىرى بار.

كودا روخان

  • كودا روخان[يەشمىسى:]»(1867 — 1947) ياپونىيىلىك يازغۇچى، دراماتورگ، نەسرىي ئەسەرلەرنى يازغۇچى. ئەدەبىيات دوكتورى. ئەسلى ئىسمى نارىيۇكى، ئادەتتە تېتسۇيوئو دەپ ئاتىلىدۇ. «ۋونيۇئەن»، «لېييىن دۇڭجۇ» قاتارلىق تەخەللۇسلىرى بار. ئېدودىكى شتايا سامما ئىسۇدا تۇغۇلغان. تېلېگراف تېخنىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1899-يىلى «يومىئۇرى خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ خىزمىتىگە قاتناشقان. 1908-يىلى كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لىكتورى بولغان. خەنزۇشۇناسلىق بىلەن بۇددىزمغا ناھايىتى پىششىق. 1937-يىلى مەدەنىيەت ئوردېنى بېرىلگەن. ئودزاكى كوئې، پۇبوئۇتى سيائې، مورى كامومې سودې بىلەن بىللە تۆت چوڭ ئەدىب دەپ ئاتالغان. «داڭلىق بۇت»، «بەش يۇلتۇزلۇق مۇنار» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. كېيىن «كوداروخان ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان. 

كودرېئانۇ

  • كودرېئانۇ[يەشمىسى:]»(Nicolae Godreanu، 1850 — 1878) رومىنىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى سوتسىيالىست. 1870 — 1874-يىللىرى روسىيىنىڭ پېتېربۇرگتا دوختۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقاندا ئىنقىلابىي دېموكراتلارنىڭ ئىدىيىۋى تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1874-يىلى رومىنىيىگە قايتىپ، ياسى ۋە بۇخارېستتا تۇنجى سوتسىيالىزم گۇرۇپپىسىنى قۇرغان ھەمدە دوختۇرلۇق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، يېزىلارغا بېرىپ، ئىنقىلابنى تەشۋىق قىلغان. 1877-يىلى رومىنىيە بويىچە تۇنجى سوتسىيالىستىك ژۇرنال — «سوتسىيالىستلار» نى نەشىر قىلىپ، قالاق يەر تۈزۈمىنى سۆكۈپ، دۆلەتنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش، نۇتۇق، يىغىلىش ۋە نەشىر قىلىش ئەركىنلىكى بولۇش، ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى پرىنسىپىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان. 

كودوررۇ

  • كودوررۇ[يەشمىسى:]»(Kudurru) مېسوپوتامىيىدىكى ئوتتۇرا بابىلۇنىيە دەۋرىدىكى يەر پاسىلى مەڭگۈ تېشى. كاست خاندانلىقى دەۋرىدىن تارتىپ ياسىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭغا مىخ يېزىق بىلەن پادىشاھنىڭ ئاقسۆڭەك، ۋەزىرلىرىگە يەر ئىنئام قىلغانلىقى ھەمدە ئالۋان-ياساقتىن كەچۈرۈم قىلىش پەرمانلىرى ئويۇپ يېزىلغان. ئىسىن ئىككىنچى خاندانلىقى يېڭى بابىلون دەۋرىدىمۇ داۋاملاشتۇرۇلغان. مەڭگۈ تاشنىڭ ئۈستى ۋە يۈزىگە تەڭرىنىڭ سىمۋولى، مەبۇد ۋە پادىشاھلارنىڭ سۈرەتلىرى قاتارلىقلار قاپارتما قىلىپ ئويۇلغان. بۇ ئوتتۇرا بابىلون دەۋرىدىكى سەنئەت ۋە ئەينى زاماندىكى ئىقتىسادىي تۈزۈم، بولۇپمۇ يەر خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلەش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەنگلىيىنىڭ لوندون برىتانىيە مۇزېيىدا مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا تەۋە بولغان بىر پارچە يەر پاسىلى مەڭگۈ تېشى ساقلانغان بولۇپ، مەڭگۈ تاشنىڭ ئۈستىگە ئويۇلغان قاپارتما نەقىشتە بابىلون پادىشاھىنىڭ ئاقسۆڭەكلەرگە يەر ئىنئام قىلىۋاتقان مەنزىرە ئىپادىلەنگەن. قاپارتما نەقىش ئوبرازى، ئۇسلۇبى جەھەتتىن خاممۇرابى قانۇنى ئويۇلغان مەڭگۈ تاشتىكى قاپارتما نەقىشكە ئوخشاپ كېتىدۇ. 

كورائىس

  • كورائىس[يەشمىسى:]» (Adamantios Korais، 1748 — 1833) گرېتسىيىلىك ئالىم، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتچىسى. سىممېرنادا سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1782-يىلى فرانسىيىدە دوختۇرلۇقتا ئوقۇۋېتىپ، فرانسىيە ئويغىنىش ھەرىكىتى ۋە فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بارلىق كۈچىنى گرېتسىيىنىڭ مۇستەقىللىك ھەرىكىتىگە بېغىشلىغان. 1789 — 1801-يىللىرى كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ، گرېتسىيىنىڭ يۇقىرى قاتلام روھانىيلىرىنىڭ ئەكسىيەتچىل قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، گرېتسىيە خەلقىنى تۈركىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىرغان. كېيىن ئىلىم-پەن، مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، خەلقنى تەربىيىلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان. گرېتسىيىنىڭ كلاسسىك مىراسلىرىغا ئېتىبار بىلەن قاراپ، ئەدەبىي تىل بىلەن ئاددىي تىل ئارىلىقىدىكى گرېك تىلىنى رەتلەپ چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چۈشىنىشى ئاسان بولغان بىر خىل تىلنى تۈزۈپ، يېڭى مىللىي دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشىگە قولايلىق ياراتقان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا 1821 — 1829-يىللىرىدىكى گرېتسىيە مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنى پائال قوللىغان. 

كورترى جېڭى

  • كورترى جېڭى[يەشمىسى:]»(1302-يىل 7-ئاينىڭ 11-كۈنى فرانسىيە رىتسارلار قوشۇنى بىلەن فلاندرىيە خەلق ئەسكەرلىرى كورترى (Kortrijk ياكى Courtrai، ھازىرقى بېلگىيىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان) ئەتراپىدا كەسكىن جەڭ قىلغان. نەتىجىدە فرانسىيە مەغلۇپ بولۇپ 4000 رىتساردىن ئايرىلىپ قالغان، جەڭ مەيدانىدا 700 دانە شپورنى قالدۇرۇپ كەتكەن. شۇڭا بۇ قېتىمقى جەڭ «شپور جېڭى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ جەڭ فرانسىيىنىڭ فلاندرىيىنى قوشۇۋېلىش قەستىنى بەربات قىلغان.

كورتېس

  • كورتېس[يەشمىسى:]» (Hernan Cortes، 1485 — 1547) ئىسپانىيىلىك مۇستەملىكىچى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سالامانكا داشۆسىگە كىرىپ قانۇن ئوقۇغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئوقۇشنى تاشلاپ، ھەربىيگە قاتناشقان. 1504 — 1519-يىللىرى غەربىي ھىندى تاقىم ئارىلىنىڭ مۇستەملىكە ئورگىنىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1519-يىلى مۇستەملىكىچى قوشۇنىنى باشلاپ، ھازىرقى مېكسىكا شەھىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 1521-يىلى ئازتىكلارنى زورلۇق ۋە ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن بويسۇندۇرۇپ، مېكسىكىدا ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەن. كېيىن يېڭى ئىسپانىيىنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1540-يىلى ئىسپانىيىگە قايتىپ، سېۋىلىيىدە ئۆلگەن. 

كوردوۋا خەلىپىلىكى

  • كوردوۋا خەلىپىلىكى[يەشمىسى:]»غەرب ئەللىرىنىڭ تارىخ كىتابلىرىدا غەربىي سالاسون ئىمپېرىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەرەبلەر ئىسپانىيىدە قۇرغان فېئودال دۆلەت. ئەسلى ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋالىيلىق رايونى. مىلادى 756-يىلى ئۇمەييە خانلىقىنىڭ ئەۋلادى ئابدۇل راخمان Ⅰ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن مۇستەقىل بولۇپ، كېيىنكى ئۇمەييە خانلىقى قۇرۇلغان. ھۆكۈمران ئەمىر دەپ ئاتالغان. 929-يىلى ئابدۇل راخمانⅢ ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئاتاپ، كوردوۋا (Cordoba) نى پايتەخت قىلىپ، كوردوۋا خەلىپىلىكىنى قۇرغان. Ⅹ ئەسىردە، دۆلەت قۇدرەت تېپىپ، گۈللەنگەن. شىمالدىكى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان نۇرغۇن كىچىك دۆلەتلەرنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. دېڭىز ئارمىيىسى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىدە زومىگەرلىك قىلىپ، فاتىمە خانلىقى بىلەن شىمالىي ئافرىقىنى تالاشقان. ياۋروپا ئەللىرى بىلەن ئىتتىپاق ئۆتكەن. مەملىكەت ئىچىدە يېزا ئىگىلىكى، قول سانائەت ۋە سودا ئىشلىرى راۋاجلىنىپ، مەدەنىيىتى گۈللەنگەن. كوردوۋانىڭ نامى كونستانتىنوپول ۋە باغداد بىلەن ئوخشاش بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ⅩⅠ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن باشلاپ، قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قېلىپ، خەلىپىلەر پات-پات ئالمىشىپ تۇرغان. 1034-يىلى خەلىپە ھىسامⅢ (HishamⅢ، 1027 — 1031) بىكار قىلىنىپ، دۆلەت نۇرغۇن مۇستەقىل فېئودال بەگلىكلەرگە پارچىلىنىپ كەتكەن.

كوردېلېر كۇلۇبى

  • كوردېلېر كۇلۇبى[يەشمىسى:]»فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى رادىكال سىياسىي تەشكىلات. 1790-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلۇپ، دەسلەپتە «كىشىلىك ھوقۇقى ۋە گراژدانلىق ھوقۇقى دوستلار ئۇيۇشمىسى» دەپ ئاتالغان. بۇ جەمئىيەتنىڭ ئورنى پارىژدىكى كوردېلېر (Cordeliers) موناستىرىدا بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە بولۇپ، ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن مارات، دانتون، دېسمولىن، چاۋمېتتې، ھايبېرت قاتارلىقلار بار ئىدى. پارىژدا ئىنتايىن زور تەسىرگە ۋە جامائەت پىكرىگە ئىگە ئىدى. «ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھرىبانلىق» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىپ، گراژدانلارنى پاسسىپ ۋە ئاكتىپ گراژدان دەپ ئايرىشقا قارشى چىققان. پادىشاھ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، مۇراجىئەتنامە يېزىپ، پادىشاھنى بىكار قىلىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، مارس مەيدانىدا مۇراجىئەت ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. كېيىن بۇ كۇلۇب بىر مەزگىل تاقالغان. 1792-يىلى 10-ئاۋغۇستتىكى ئىنقىلابتا، يېڭىباشتىن مۇھىم رول ئوينىغان، چاۋمېتتې، ھايبېرت قاتارلىق كىشىلەر پارىژ كوممۇنىسىنىڭ رەھبەرلىرى بولۇپ، كۇلۇبنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى مىللىي ئۇيۇشمىغا قاتناشقان. ياكۇبىن دىكتاتۇرىلىقى مەزگىلىدە ئىچكى قىسىمدا دانتونچىلار بىلەن ھايبېرتچىلار ئوتتۇرىسىدا كۈرەش يۈز بېرىپ،ھەر ئىككى تەرەپ كېيىن روبېسپېر تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتقان. 

كوردىئېر

  • كوردىئېر[يەشمىسى:]»(Henri Cordier، 1849 — 1952) فرانسىيىلىك خەنزۇشۇناس. ئامېرىكىدا تۇغۇلغان. كېيىن ئەنگلىيە-فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇغان. 1869-يىلدىن باشلاپ، ئۇزۇن ۋاقىت جۇڭگودا خىزمەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەنزۇشۇناسلىق ۋە شەرقشۇناسلىق ئىلمىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «خانلىق ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كىتابلار كاتولوگى»، «توكيونىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە بايان» ناملىق كىتابلارنى نەشىر قىلغان. 1881-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ، ھازىرقى زامان شەرق تىللىرى شۆيۈەنىدە پروفېسسور بولۇپ، يىراق شەرق تارىخى، جۇغراپىيە ۋە قانۇن پەنلىرى بويىچە دەرس ئۆتكەن. 1886-يىلدىن باشلاپ، يەنە سىياسىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە يىراق شەرق مەسىلىلىرى بويىچە پروفېسسور بولغان. 1890-يىلدىن باشلاپ، شەرق ئىلمىي ژۇرنىلى — «ئاخبارات» نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان.ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن:«جۇڭگو بىلەن غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ 1860 — 1900-يىللاردىكى مۇناسىۋەت تارىخى»، «1857 — 1858-يىللاردىكى جۇڭگودا يىراق سەپەر قىلىش خاتىرىلىرى»، «جۇڭگونىڭ 860-يىلىدىكى يىراققا يۈرۈش قىلىش خاتىرىسى» ۋە «جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى» (تۆت توم) قاتارلىقلار بار. يەنە «غەربلىكلەرنىڭ جۇڭگو ھەققىدىكى كىتابلىرى كاتالوگى»، «غەربلىكلەرنىڭ ياپونىيىگە دائىر كىتابلىرى كاتالوگى» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزگەن.

كوررېنتې

  • كوررېنتې[يەشمىسى:]»(Cesare Correnti، 1815 — 1888)ئىتالىيىلىك سىياسىي ئوبزورچى، مىلاندا تۇغۇلغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى لومباردىيىدە ئويغىنىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان، «ئاۋسترىيە ۋە لومباردىيە» ناملىق كىتابنى نەشىر قىلىپ، ئاۋسترىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ كەلتۈرگەن زىيانلىرىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، ئىنتايىن زور ئىنكاس پەيدا قىلغان. 1848 — 1849-يىللىرىدىكى ئىنقىلابقا پائال ئاتلىنىپ، 18-مارتتىن 22-مارتقىچە بولغان مىلاندىكى كوچا باررىكادا جېڭىگە قاتناشقان. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ كاتىپى بولغان. 1861 — 1868-يىللىرى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1867-يىلى ۋە 1869 — 1872-يىللىرى ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ مائارىپ ۋەزىرى بولغان. بۇ جەرياندا مەكتەپلەردىكى دىنىي مائارىپنى بىكار قىلىپ، تېئولوگىيە فاكۇلتېتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. 

كورىيە

  • كورىيە[يەشمىسى:]»(1) كوگۇريونىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى. دەسلەپ مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىمالىي ۋېينىڭ جېڭشى يىللىرىدا كۆرۈلگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو تارىخ كىتابلىرىدا كۆپ ئىشلىتىلگەن. چاۋشيەننىڭ تارىخ كىتابلىرىدا بىردەك كوگۇريو دەپ ئىشلىتىلگەن. (2) ۋاڭ جەمەتى كورىيىسى. چاۋشيەندىكى فېئوداللىق سۇلالە ۋاڭ جيەن قۇرغان. 34 ئەۋلاد (ئۇنىڭ ئىچىدە ئىككى پادىشاھ شىن فامىلىسىنى قوللانغان)، 475 يىل (2931 - 819) داۋام قىلغان. مىلادى 918-يىلى، كېيىنكى ئۈچ بەگلىكنىڭ بىرى بولغان تەيفىڭ بەگلىكىنىڭ لەشكەر باشلىقى ۋاڭ جيەن ئۇنىڭ ھۆكۈمرانى گۇڭيىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىغان، دۆلەتنىڭ نامىنى كورىيە دەپ ئۆزگەرتكەن، كەيجىڭ (ھازىرقى كەيچېڭ) نى پايتەخت قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، تەپرىقىچىلار (نوچىلار) نى تەسلىم قىلغان ياكى يوقاتقان، 935-يىلى سىللانى قوشۇۋالغان، 936-يىلى كېيىنكى پېكچىنى يوقىتىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يېڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. دەسلەپ تاڭ سۇلالىسىگە تەقلىد قىلىپ ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن سىياسىي تۈزۈمنى ئورناتقان. مەركەزدە ئۈچ ۋازارەت، ئالتە دىۋان، توققۇز مەھكىمە، ئالتە ياساۋۇلخانا تەسىس قىلىپ، مەھكىمە ئەسكەرلىرى تۈزۈمىنى يولغا قويغان؛ بۇددا دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان، شۇنداقلا يەر تۈزۈمىنى تەرتىپكە سالغان، 940-يىلى ۋەزىپە بەلگىلەپ يەر تەقسىم قىلغان. 976-يىلى ئېتىز-ئورمان تۈزۈمىنى جاكارلىغان، Ⅻ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن كېيىن، ئىككى تەرەپتىكى ئاقسۆڭەكلەر ھەدەپ يەرلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ، خۇسۇسىي ئېكىنزارلىقلارنى كېڭەيتىپ قۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ئېتىز-ئورمان تۈزۈمى يىمىرىلگەن. جۇرجىتلار ۋە موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھوقۇقدار ۋەزىرلەرنىڭ زومىگەرلىكى، قاراقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشى، مەملىكەت ئىچىدە يەرلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشىنىڭ ئەۋج ئېلىشى ئارقىسىدا، دۆلەتنىڭ كۈچى ئىنتايىن خارابلاشقان. 1388-يىلى، چوڭ سانغۇن لى چېڭگۇي يالۇجياڭ دەرياسىدىكى ۋېيخۇا ئارىلىدىن كەيجىڭغا قايتىپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، پادىشاھنى بىكار قىلىپ ھوقۇقنى قولغا ئالغان، 1391-يىلى ئېتىز قانۇنىنى جاكارلىغان. 1392-يىلى لى چېڭگۇي پادىشاھ گوڭراڭنى بىكار قىلىپ، ئۆزى پادىشاھ بولغان، شۇنىڭ بىلەن كورىيە سۇلالىسى ھالاك بولغان.

كورىيە تارىخى

  • كورىيە تارىخى[يەشمىسى:]» كىتاب نامى. چاۋشيەندىكى كورىيە سۇلالىسىنىڭ تارىخى يېزىلغان تارىخنامە. لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا جېڭ لىنجى قاتارلىقلار يازغان. كىتاب 1451-يىلى (ۋېنزۇڭنىڭ 1-يىلى) پۈتكەن. رىۋايەت خاتىرىسى شەكلىدە يېزىلغان. 139 جىلد. بۇنىڭ ئىچىدە بەگلەر تەرجىمىھالى 46 جىلد، تەزكىرە 39 جىلد، يىلنامە ئىككى جىلد، تەرجىمىھال 50 جىلد، مۇندەرىجە ئىككى جىلد. «بەگلەر تەرجىمىھالى» دا پادىشاھلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى يېزىلغان. تەيزۇدىن تارتىپ مۇزۇڭغىچە بولغان يەتتە ئەۋلاد پادىشاھنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى قىتانلارنىڭ بېسىپ كىرىشى ۋە ئىچكى مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن يوقاپ كەتكەن، شۇڭا ۋەقەلىكلەر قىسقىچە بايان قىلىنغان. شىنىئو، شىنچاڭ ئىككى شاھ ساختا فامىلە ئىشلىتىپ بەگلىك تەزكىرىسى قالدۇرمىغان. تەزكىرە ئاسترونومىيە، تارىخ، تۈرلۈك كەسىپ، جۇغراپىيە، مۇراسىم، ئويۇن-تاماشا، تەختىراۋان-كىيىم، سايلام، مەنسەپ، يېمەكلىكلەر، ھەربىي ئىشلار، جازادىن ئىبارەت 12 تۈرگە بۆلۈنگەن. تەرجىمىھال كىچىك خانىش، خان جەمەتى، مەلىكە، ئادەتتىكى ئەمەلدارلار، ياخشى ئەمەلدارلار، ساداقەتمەنلەر، ۋاپادارلار، ئىپپەتلىك ئاياللار، دورىگەرلەر، ھەرەمئاغىلىرى، زالىم ئەمەلدارلار، پادىشاھنىڭ ئامراق ئادەملىرى، قارايۈز ۋەزىرلەر، ئاسىيلار دېگەنگە ئوخشاش تۈرلەرگە ئايرىلغان. ئاخىرىغا شىنىئو، شىنچاڭنىڭ تەرجىمىھالى قوشۇپ قويۇلغان. بۇ كورىيە سۇلالىسى دەۋرىدىكى چاۋشيەن تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئاساسىي تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

كورىيە تارىخىدىن پارچىلار

  • كورىيە تارىخىدىن پارچىلار[يەشمىسى:]» كىتاب نامى. چاۋشيەندىكى كورىيە سۇلالىسىنىڭ تارىخى، 35 جىلد. لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا تارىخ مەھكىمىسى يازغان. 1451-يىلى (ۋېنزۇڭنىڭ 1-يىلى) كىتاب قىلىنغان. يىلنامە شەكلىدە يېزىلغان. بۇ كىتاب «كورىيە تارىخى» نىڭ قىسقارتىلمىسى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈزۈلگەن تارىخ كىتابى. ئۇنىڭدا «كورىيە تارىخى» دىن تاپقىلى بولمايدىغان ماتېرىياللار بار.

كورسىرا

  • كورسىرا[يەشمىسى:]»(Corcyra) ئىئونىيە دېڭىزىدىكى ئىككىنچى چوڭ ئارال، كۆلىمى 643 كۋادرات كىلومېتر. قەدىمدە كېركىرا (Kerkyra) دەپ ئاتالغان. ھازىر كورفۇ (Corfu) دەپ ئاتىلىدۇ. ئېپرۇس دېڭىز قىرغىقىدىن تەخمىنەن 40 نەچچە كىلومېتر يىراقلىقتا تۇرىدۇ. قەدىمكى ئاھالىسى فائېسىيىلىكلەر (Phaeacians). مىلادىدىن 700 يىل ئىلگىرى گرېتسىيىنىڭ چوڭ شەھىرى كورىنتوستىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئىشغال قىلىۋالغان. ئارالدا ئاساسلىق ئىككى شەھەر بولۇپ، شەرقى قىرغاقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكىسى كورسىرا (ھازىرقى كورفۇ)، شەرقىي شىمال قىسمىدىكىسى كاسسىئوپ (Cassiope) دەپ ئاتالغان. دېڭىز سودىسى قولاي بولغاچقا، تېزلىكتە قۇدرەت تېپىپ، ئەتراپىدىكى دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدا مۇستەملىكىلىرىنى كېڭەيتكەن. ئاساسلىق مۇستەملىكىلىرى: شىمالدا ئېپىدامنۇس (Epidamnus)، ئاپوللونىيە (Apollonia)، جەنۇبتا ئاناك-تور (Anacturium)، لېئۇكاس (Leucas) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئارالنىڭ رولى بارغانسېرى زورايغانلىقتىن، كورىنتوس بىلەن رىقابەتلىشىپ، ئاخىرى ئۇرۇش پارتلىغان (مىلادىدىن 664 يىل ئىلگىرى). ئىچكى ئاقسۆڭەكلەر تەرەپدارلىرى بىلەن پۇقرالار تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا كۈرەش كەسكىنلەشكەن. كورىنتوسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئافىنادىن ياردەم سورىغان. ئافىنا بىلەن كورىنتوس ئوتتۇرىسىدا بۇرۇندىن ئىختىلاپ بولغاچقا، ئاخىرى پېلوپوننېس ئۇرۇشى (مىلادىدىن 431 يىل ئىلگىرى) نىڭ يۈز بېرىشىدىكى بىۋاسىتە ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. كېيىن زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ، ئېپرۇس قاتارلىق كۈچلەرگە بېقىندى بولغان. مىلادىدىن 229 يىل ئىلگىرى بۇ ئارالنى رىم ئىشغال قىلىۋالغان. كائېسار مەزگىلىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى)، ئالپىس تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيىگە تەۋە بولغان؛ ئىمپېرىيە مەزگىلىدە يەنە ئىللۇرىيە مەمۇرىي رايونىغا قوشۇۋېتىلگەن. 

كورفۇ ئارىلى خىتابنامىسى

  • كورفۇ ئارىلى خىتابنامىسى[يەشمىسى:]» 1917-يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنى سېربىيە باش ۋەزىرى پاسىچ بىلەن يۇگوسلاۋىيىلىكلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى تېرۇمبېچ كورفۇ ئارىلىدا ئىمزالىغان كەلگۈسىدىكى يۇگوسلاۋىيە دۆلىتىنى تەشكىل قىلىش توغرىسىدىكى سىياسىي ھۈججەت. ئۇنىڭدا، سېربىيىلىكلەر، كرودىيىلىكلەر ۋە سلوۋېنلارنىڭ قاراگېئورگىۋىچ خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىق ئاستىدا شەكىللەنگەن بىرلىككە كەلگەن، دېموكراتىك ۋە پارلامېنت تۈزۈمى يۈرگۈزۈلىدىغان پادىشاھلىق دۆلەت قۇرۇشنى قوللاش جاكارلانغان ھەمدە ئىككى خىل يېزىق (لاتىن ۋە كىرىل يېزىقى) باراۋەر؛ ئۈچ مىللەتنىڭ نامى ۋە بايرىقى باراۋەر؛ ئۈچ دىن (كاتولىك دىنى، گرېك، پراۋوسلاۋىيە دىنى ۋە ئىسلام دىنى) باراۋەر دەپ ئېلان قىلىنغان. خىتابنامىدە يەنە دۆلەت پارلامېنتى بىلەن شەھەر پارلامېنتى بىردەك ئەر گراژدانلاردىن سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. خىتابنامە يۇگوسلاۋىيە دۆلىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە ئاساس سالغان.

كورفۇ ئارىلى ۋەقەسى

  • كورفۇ ئارىلى ۋەقەسى[يەشمىسى:]» 1923-يىلى ئىتالىيە گرېتسىيىنىڭ كورفۇ ئارىلىنى ۋە ئىشغال قىلىۋالغان ۋەقە. 1923-يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئىتالىيە پارىژدىكى باش ئەلچىلەر يىغىنىنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن ئەۋەتكەن گرېتسىيە-ئالبانىيە چېگرىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى گېنېرال تاللىنى (Enrico Tellini، 1871 — 1923) ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت ئادەم گرېتسىيە چېگرىسى ئىچىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن. 29-كۈنى ئىتالىيە ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، گرېتسىيىنىڭ 24 سائەت ئىچىدە جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. گرېتسىيە تۆلەم قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك تەلەپنى رەت قىلغان. 31-كۈنى، ئىتالىيە ھەربىي پاراخوتلىرى كورفۇ ئارىلىنى بومباردىمان قىلىپ، ئىشغال قىلىۋالغان، گرېتسىيە پۇقرالىرىدىن 15 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، 30 نەچچە ئادەمنى يارىدار قىلغان. گرېتسىيە خەلقئارا ئىتتىپاقىغا ئەرز قىلغان. خەلقئارا ئىتتىپاق مەسىلىنى باش ئەلچىلەر يىغىنىنىڭ ھەل قىلىشىغا تاپشۇرغان. 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، باش ئەلچىلەر يىغىنى ئىتالىيىنىڭ كۆپ قىسىم شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە قارار ماقۇللىغان. 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىتالىيە قوشۇنلىرى چېكىنىپ چىققان. 

كورولېنكو

  • كورولېنكو[يەشمىسى:]»(Владимир Галактионович Короленко، 1853 — 1921) روسىيىلىك يازغۇچى. ژىتومىر شەھىرىدە تۇغۇلغان. سودىيە ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. موسكۋا يېزا-ئىگىلىك ئورمانچىلىق شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1876-يىلى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكتىن مەكتەپتىن ھەيدەلگەن. كېيىن بىرنەچچە قېتىم قولغا ئېلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان. سۈرگۈندە يۈرگەن چاغلىرىدىلا يېزىقچىلىققا كىرىشكەن. «ماكارنىڭ چۈشى» ناملىق ھېكايىسىدە ياكوتىسكىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئىستىبداتلىق تۈزۈمىنىڭ رەھىمسىزلىكىنى قامچىلىغان، «قارىغۇ مۇزىكانت» ناملىق پوۋېستتا، بىر قارىغۇ بالىنىڭ جىسمى مېيىپ بولسىمۇ قەلبى مېيىپ بولماي، ئاخىرى داڭلىق مۇزىكانت بولۇپ يېتىشىپ چىققانلىقى تەسۋىرلەنگەن، «تىل ئۇقۇشماسلىق» ھېكايىسىدە ئامېرىكىغا بارغان ئۇكرائىنلىق بىر دېھقاننىڭ سەرگۈزەشتلىرى ئارقىلىق كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ ساختىلىقى بىلەن ۋەھشىيلىكى پاش قىلىنغان. كوروبېنكو ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان تەرجىمىھالى «زامانداشلىرىم ھەققىدە ھېكايىلەر» (تۆت توم) دا روسىيە زىيالىيلىرىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن يوللىرى بايان قىلىنغان. 

كورنۋاللىس

  • كورنۋاللىس[يەشمىسى:]»(Charles Cornwallis، 1738 — 1805)، ئەنگلىيىلىك مۇستەملىكىچى. 1776 — 1781-يىللاردا ئەنگلىيە قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنى باستۇرماقچى بولسىمۇ، ئەمما ئۇرۇشتا مەغلۇپ قىلىنىپ، تەسلىم بولغان. 1786 — 1793-يىللاردا ھىندىستان باش ۋالىيلىقىنى ئۆتىگەن. بۇ جەرياندا مىيسورېنىڭ ھۆكۈمرانى سۇلتان تىپۇنى مەغلۇپ قىلىپ، زېمىنىنىڭ يېرىمىنى تارتىۋالغان، شۇڭا ماركىزلىققا كۆتۈرۈلگەن. مەمۇرىي، سودا ۋە ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بارغان. ئېكسپىلاتاتسىيىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 1793-يىلى زېمىندار تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالغان. 1798 — 1801-يىللاردا ئېرلاندىيە باش ۋالىيسى بولۇپ، ئېرلاندىيە ئىنقىلابىنى شەپقەتسىز باستۇرغان. 1805-يىلى ھىندىستان باش ۋالىيلىقىغا يەنە تەيىنلەنگەن، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلگەن. 

كورنىلوۋ

  • كورنىلوۋ[يەشمىسى:]» (1)ۋىلادىمىر ئالېكسېيىۋىچ كورنىلوۋ (Владимир Алексеевич Корнилов، 1806 — 1854). روسىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى. ھەربىيدىن بوشىغان ئوفىتسېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دېڭىز ئارمىيە مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1827-يىلدىن باشلاپ، «ئازۇۋ» ناملىق كىرەيسىردە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ناۋارىنو جېڭى ۋە روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان (1828 — 1829). 1849-يىلى قارا دېڭىز فلوتىنىڭ شتاب باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1851-يىلدىن باشلاپ، فلوتنىڭ ئەمەلىي قوماندانلىق ھوقۇقىنى قولىغا ئالغان. قىرىم ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، 1854-يىلى 9 — 10-ئايلاردا سىۋاستوپول مۇداپىئە ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىۋېتىپ، ئېغىر يارىلىنىپ ئۆلگەن. (2) لاۋر گېئورگىيېۋىچ كورنىلوۋ Лавр Георгиевич Корнилов، 1870 — 1918). روسىيە گېنېرال پولكوۋنىكى. 1917-يىلدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭنىڭ باشلىقى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، مىخائىل توپچىلار مەكتىپى بىلەن باش شتاب شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. رۇس-ياپون ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1907 — 1911-يىللىرى روسىيىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شىجاڭ، جۈنجاڭ بولغان. 1917-يىلدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، پېتروگراد ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىن 8-جىتۇەنجۈننىڭ قوماندانى ۋە غەربىي جەنۇب يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 8-ئايدا، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. بۇ مەزگىلدە ئەسكەرلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتنى كۈچىنىڭ بارىچە باستۇرغان. 1917-يىلى 9-ئايدا ھەربىي توپىلاڭ قوزغىغان («كورنىلوۋ توپىلىڭى» غا قاراڭ). توپىلاڭ تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قاماققا ئېلىنغان. 11-ئايدا نوۋوچېركازىكقا قېچىپ بارغان ھەمدە شۇ يەردە ئالېكسىيېۋ بىلەن بىرگە ئاق گۋاردىيىچىلەرگە رەھبەرلىك قىلغان. كېيىنكى يىلى 3-ئايدا يېكاتېرىنادار جېڭىدە ئوق تېگىپ ئۆلگەن. 

كورنىلوۋ توپىلىڭى

  • كورنىلوۋ توپىلىڭى[يەشمىسى:]» 1917-يىلى 9-ئايدا، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى كورنىلوۋ قوزغىغان ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭ. «ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئىككى ھاكىمىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھالەتكە خاتىمە بېرىلىپ، بارلىق ھوقۇقنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۆز قولىغا كىرگۈزۈۋالغان. بولشېۋىكلار پارتىيىسى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا تەييارلانغان. بۇرژۇئا كادېتلار پارتىيىسى بىلەن كىرېنېسكىي ھۆكۈمىتى بولشېۋىكلار پارتىيىسىنى يوقىتىپ، ئىنقىلابنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى كورنىلوۋ باشچىلىقىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭنى پىلانلىغان. 9-ئاينىڭ 7-كۈنى توپىلاڭچى ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي قوشۇنى بولغان كرىموۋ (А. М. КрьIмов، 1871 — 1917) نىڭ ئاتلىق 3-ئارمىيىسى بۇيرۇققا بىنائەن، ئالدىنقى سەپتىن پېتېربۇرگقا ھۇجۇم باشلىغان ۋە شۇ ئارقىلىق، ھەربىي ئىستىبدات ھاكىمىيەتنى تىكلەشكە ئۇرۇنغان. ھۆكۈمەتتىكى كادېتلار پارتىيىسىدىن بولغان مىنىستىرلار شۇئان ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۇلارغا ماسلاشقان. بولشېۋىكلار ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى بىلىۋېلىپ، نەچچە ئون مىڭ قوراللىق ئىشچى، ئەسكەر ۋە ماتروسنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، پايتەختنى قوغدىغان ھەمدە ئالدانغان ئەسكەرلەرگە قارىتا تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، توپىلاڭچىلار ئارمىيىسىنى پارچىلىغان ھەمدە توپىلاڭنى تارمار قىلغان. 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، كرېنېسكىي ھۆكۈمىتى كورنىلوۋنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، قاماققا ئېلىشقا مەجبۇر بولغان. بولشېۋىكلار رەھبەرلىكىدىكى قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ ۋەزىيىتى پىشىپ يېتىلىشكە باشلىغان. 

كوروۋا يىغىنى

  • كوروۋا يىغىنى[يەشمىسى:]»ئاۋسترالىيىنىڭ ئىتتىپاق ھەرىكىتىدىكى مۇھىم بىر يىغىن. 1893-يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ۋېكتورىيە مۇستەملىكە رايونى بىلەن يېڭى جەنۇبىي ۋېلېس مۇستەملىكە رايونىدىكى ئىتتىپاقلىق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى يېڭى جەنۇبىي ۋېلېسنىڭ كوروۋا (Corowa) شەھىرىدە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئىتتىپاق تۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى پارلامېنتنىڭ بەس-مۇنازىرە قىلىشى بىلەن چەكلەپ قويماستىن، بەلكى گراژدانلارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق ھەل قىلىش تەكلىپىنى قويغان. 1895-يىلى 1-ئايدا خوبارتتا ئۆتكۈزۈلگەن ھەرقايسى مۇستەملىكە رايونلىرى باش مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىدا، بۇ تەكلىپ ئاساسىي جەھەتتىن قوبۇل قىلىنغان. ئارقىدىنلا ئېلىپ بېرىلغان گراژدانلار ئاۋاز بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق، 1901-يىلى ئاۋسترالىيە ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 

كورۇلىۋا ئاننې ئۇرۇشى

  • كورۇلىۋا ئاننې ئۇرۇشى[يەشمىسى:]»1702 — 1713-يىللىرى ئەنگلىيە شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرنى تالىشىش يۈزىسىدىن فرانسىيىگە قارشى قوزغىغان ئۇرۇش. ئەنگلىيىدە ئەينى زاماندا كورۇلىۋا ئاننې ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىل بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1702-يىلى ياۋروپادا ئىسپانىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى پارتلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي ئامېرىكىدىمۇ بۇ ئۇرۇش يۈز بەرگەن. ئەنگلىيە، فرانسىيە مىسسىسىپى دەرياسىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى تالاشقان. شىمالىي قىسمىدا فرانسىيە بىلەن ئىندىئانلار ئاۋۋال ماسساچوسېتسنىڭ دېلفىلىد ۋە لۇر پورتىنى بېسىۋالغان. 1711-يىلى ئەنگلىيە 12 مىڭ كىشىلىك فلوتنى ئەۋەتىپ، يېڭى ئەنگلىيە قوراللىق كۈچىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن كۇپپىكغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ھۇدزون دەرياسى ۋادىسىنى بويلاپ شىمالغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، مونترېئالغا يېتىپ كېلىپ، ئەنگلىيە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن. 1713-يىلى ئەنگلىيە-فرانسىيە «ئۇتىرىخت سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، فرانسىيە ئەنگلىيىنىڭ يېڭى سىكوسىيى ۋە ھۇدزون پورتىنى بېسىۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان؛ ئىسپانىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدا تېرە ۋە سودا مال ئالماشتۇرۇشىنى مەنئى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەنگلىيە جەبىلتارىق، مىنوركا ئارىلىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەنگلىيە پەيدىنپەي دېڭىزدىكى ئەڭ چوڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى تەسىر كۈچىنى پەيدىنپەي ئەنگلىيە ئىگىلىۋالغان. 

كورۇلىۋا كرىستىنا

  • كورۇلىۋا كرىستىنا[يەشمىسى:]» (Kristina، 1626 — 1689) شۋېتسىيە كورۇلىۋاسى (1644 — 1645). گۇستاۋ ئادولفنىڭ يالغۇز قىزى. ئالتە يېشىدا تەختكە چىققان. باش ۋەزىرى ئاكسىل ئوكىسېنتېرنا (Oxenstierna) باشچىلىقىدىكى نائىب كېڭەش ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى باشقۇرۇپ كەلگەن (1632 — 1644). 1644-يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت سورىغان. 1646-يىلى ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن، بىراق، دىپلوماتىيە جەھەتتە يەنىلا كابىنېت ۋەزىرلىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ كەلگەن. خېلى ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ئۇزاق ۋاقىتلىق ئۇرۇش تۈپەيلىدىن دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى ھەددىدىن كۆپ ئېشىپ كېتىپ، ئىقتىسادىي قىيىنلاشقان. خان جەمەتىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ قېلىش، ۋارىسلىق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قېلىش ئۈچۈن، ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ تۆتىنچى يىلى بىر نەۋرە ئاكىسى چارلېسنى شۋېتسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىگەن. 1649-يىلى پارلامېنت چارلېسنى ۋەلىئەھد قىلىپ بەلگىلىگەن. ئۇ، 1654-يىلى ئۇپسالا (Uppsala) پارلامېنتىدا ئىستېپا بېرىپ، ئورنىغا چارلېسنى چىقارغان. چارلېس Ⅹ (CharlesⅩ Gustav، 1622 — 1660) دېگەن ھۈرمەت نامى بىلەن تەختكە چىقارغان.

كورۇلىۋا ۋىكتورىيىنىڭ مۇراجىئەتنامىسى

  • كورۇلىۋا ۋىكتورىيىنىڭ مۇراجىئەتنامىسى[يەشمىسى:]» ئەنگلىيىنىڭ كورۇلىۋاسى ۋىكتورىيە 1858-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنى جاكارلىغان پەرمان بولۇپ، ھىندىستاندىكى كەڭ كۆلەملىك مىللىي قوزغىلاڭنى بېسىقتۇرۇش، بەگلىكلەرنىڭ ۋاڭ-گۇڭلىرى ۋە فېئودال پومېشچىكلارنىڭ كۆڭلىنى ياساش، ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. پەرماندا ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتىدىن ھىندىستان زېمىنىنى باشقۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى، مۇئاۋىن پادىشاھ تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭ كورۇلىۋاغا ۋەكالىتەن بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ئۆزگەرتكەنلىكى؛ شەرقىي ھىندىستان شىركىتى بەگلىكلەرنىڭ بەگ-خوجىلىرى بىلەن ئىمزالىغان شەرتنامىلەرنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا ئەمەل قىلغانلىقى، ھىندىستان بەگ-خوجىلىرىنىڭ ھوقۇقى، ئابروي ۋە شان-شەرىپىگە ھۈرمەت قىلىدىغانلىقى؛ ھىندىستاننىڭ قەدىمكى ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۈرمەت قىلىدىغانلىقى؛ زېمىنىنى يەنە كېڭەيتىشنى كۆزلىمەيدىغانلىقى؛ ھىندىستاندىكى قوزغىلاڭچى ئارمىيە ۋە خەلقىنى ئومۇمىي كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقى (ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر ئۇنىڭ سىرتىدا)؛ خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە چوقۇنۇشىغا ئارىلاشمايدىغانلىقى، ھەممە ئادەمنىڭ ئىرق ياكى ئېتىقاد ئايرىماي، تەربىيىلىنىش دەرىجىسى، خىزمەت ئىقتىدارى، ئەخلاق-پەزىلىتىگە قاراپ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالالايدىغانلىقى قاتارلىقلارنى جاكارلىغان. مۇراجىئەتنامە ھىندىستاننىڭ فېئودال يۇقىرى تەبىقە ئۇنسۇرلىرىنى ئەنگلىيىگە قارشى قوزغىلاڭ سېپىدىن ئايرىلىشقا قىزىقتۇرغان. 

كورۋىن

  • كورۋىن[يەشمىسى:]» (Korvin Otto، 1894 — 1919) ۋېنگرىيىلىك ئىنقىلابچى، ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. 1918-يىلى ۋېنگرىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1919-يىلى ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە، ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ سىياسىي تەكشۈرۈش ئىدارىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئەكسىلئىنقىلابچىلارغا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن. 

كورىنتوس

  • كورىنتوس[يەشمىسى:]» (Korinthos ياكى Corinthus) قەدىمكى گرېتسىيىدىكى مۇھىم بىر شەھەر. گرېتسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن جەنۇبىي قىسمىغا (پېلوپوننېسقا) تۇتىشىدىغان مۇھىم ئۆتكەل — كورىنتوس جىلغىسىنىڭ جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان. كورىنتوس رايونىنىڭ مەركىزى بولۇپ، شەرقتە سارونىڭ قولتۇقىغا، غەربىي شىمالدا كورىنتوس قولتۇقىغا تۇتىشىدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅠ ئەسىردە دورېئانلار تەرىپىدىن سېلىنغان، شەھەرنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ئەتراپىغا (ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 15 كلومېتر كېلىدىغان) ئېگىز سېپىل سېلىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ- Ⅶ ئەسىرلەردە دېڭىزچىلىق ئىشلىرى ۋە سودا-سانائەت ئۇچقاندەك راۋاجلانغان ھەمدە يىراق جايلاردا مۇستەملىكە بەرپا قىلغان. ئاساسلىقلىرى كورسىرا(Corcyra)، ئامبراسىيە (Ambracia)، پوتىدېيە (Potidaea) قاتارلىقلار بولۇپ، ئەڭ چوڭ مۇستەملىكىسى سىتسىلىيە ئارىلىدىكى چوڭ شەھەر سۇراكودىن ئىبارەت. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردىن بۇرۇن، كۈچلۈك باككىيادا (Bacchiadae) جەمەتى بۇ يەردە ئولىگارخىيىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەن؛ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇنىڭ ئورنىنى كۇپىسېلو (Kypselos) نىڭ تىران ھاكىمىيىتى ئىگىلىگەن، شۇ چاغدىكى داڭلىق تىران، گرېتسىيىدىكى «يەتتە دانىشمەن» نىڭ بىرى پېرىئاندرو بولغان. كېيىن، ئولىگارخىيىلىك ھاكىمىيەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، 80 كىشىدىن تەركىب تاپقان «ئالىي مەجلىس» ھۆكۈمرانلىق يادروسىغا ئايلانغان. دېڭىزدىكى مەنپەئەت ئۈستىدە ئافىنا بىلەن كەسكىن رىقابەتلىشىپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر ئافىناغا قارشى سىياسەت يۈرگۈزۈپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا سپارتا رەھبەرلىكىدىكى پېلوپوننېس ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. پېلوپوننېس ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى) ھارپىسىدا، كۈچىنىڭ بارىچە ئافىناغا قارشى ئۇرۇش قوزغاشقا قۇتراتقان ھەمدە ئۇرۇشقا كۆپرەك كۈچ چىقارغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، سپارتانىڭ زوراۋانلىقىغا نارازى بولۇپ، يەنە ئافىنا ۋە تېبېس بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، سپارتاغا قارشى چىققان («كورىنتوس ئۇرۇشى»). مىلادىدىن 338 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيە ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتۈپ، ماكېدونىيە قىسىملىرى تۇرىدىغان ئورۇنغا ئايلانغان. مىلادىدىن 243 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيە قىسىملىرى چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن، ئاكائىيە ئىتتىپاقىغا كىرگەن. مىلادىدىن 146 يىل ئىلگىرى رىم ھاكىمىيەت ئەمەلدارى مۇممىئۇ (Lucius Mummius Achaecus) تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئاھالىسى تۈركۈملەپ قۇل قىلىنغان، نۇرغۇنلىغان سەنئەت بۇيۇملىرى تالان-تاراج قىلىنىپ، رىمغا توشۇپ كېتىلگەن. مىلادىدىن 46 يىل ئىلگىرى كائېسار تەرىپىدىن قايتا قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ھەربىيدىن بوشانغان ئەسكەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان كۆچمەنلەر مۇستەملىكە رايونى قىلىنىپ، «يۇلىئۇسنىڭ كورىنتوس مۇستەملىكىسى» (Colonia Julia Corinthus) دەپ ئاتالغان ھەمدە رىم ھۆكۈمرانلىقىدىكى «ئاكائىيە مەمۇرىي رايونى» نىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. كورىنتوس قەدىمكى گرېتسىيىدە تەسىرى كۈچلۈك شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئافىنادىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قارىلىپ كەلگەن. 

كورىنتوس قۇرۇلتىيى

  • كورىنتوس قۇرۇلتىيى[يەشمىسى:]»مىلادىدىن 338 ياكى 337 يىل ئىلگىرى، ماكېدونىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅱ كورىنتوستا چاقىرغان پۈتكۈل گرېتسىيە قۇرۇلتىيى. قۇرۇلتايغا سپارتادىن باشقا گرېتسىيىنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ۋەكىل قاتناشقان. قۇرۇلتاي ماكېدونىيىنىڭ گرېتسىيىگە بولغان رەھبەرلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان. گرېتسىيىدىكى ئۆلكە-شەھەرلەر يېغىلىقىنى توختىتىش جاكارلانغان؛ يەنە دېڭىز قاتناش ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇپ، دېڭىزدىكى قاراقچىلار گۇرۇھىنى ئورتاق تازىلاش لازىملىقى بەلگىلەنگەن. ئۆلكىلەرنىڭ مال-مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىشى، يەرلەرنى قايتا بۆلۈشۈشى، باجلارنى كەچۈرۈم قىلىشى ھەمدە سىياسىي كۈرەش تۈپەيلىدىن قۇللارنى زور تۈركۈملەپ قويۇپ بېرىشى مەنئى قىلىنغان. قۇرۇلتاي مەزگىلىدە پان گرېتسىيە ئىتتىپاقى قۇرۇلغان، ئەمما ئۇنىڭغا ماكېدونىيە رەسمىي قاتناشمىغان بولسىمۇ، فىلىپ Ⅱ ئىتتىپاق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا سايلانغان ھەمدە پېرسىيىگە يۈرۈش قىلىشقا پائال ھازىرلىق كۆرۈش قارار قىلىنغان. 

كورىنتوس ئۇرۇشى

  • كورىنتوس ئۇرۇشى[يەشمىسى:]»مىلادىدىن 387 — 385 يىل ئىلگىرى ئافىنا، تېبېس قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرى بىرلىشىپ سپارتاغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇش. چۈنكى ئىتتىپاققا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر كورىنتوستا ھەربىي يىغىن ئاچقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. پلوپونوس ئۇرۇشى (مىلادىدىن 431 — 404 يىل ئىلگىرى) دىن كېيىن، سپارتا ھۆكۈمرانلىرى گرېتسىيىدە زوراۋانلىق قىلىپ، ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، كەڭ نارازىلىق پەيدا قىلغان. تېبېس باشلىغان ئۇرۇشقا گرېتسىيىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمىدىكى ئافىنا، كورىنتوس، مېگارا، ئارگوس قاتارلىق كۆپلىگەن شەھەرلەر ئارقىمۇ ئارقا قاتناشقان ھەمدە ئۇلار پېرسىيە پادىشاھلىقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن (ئەينى ۋاقىتتا پېرسىيە بىلەن سپارتا ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بار ئىدى). مىلادىدىن 394 يىل ئىلگىرى پېرسىيە فلوتى ئافىنا گېنېرالى كونوننىڭ قوماندانلىقىدا، كىچىك ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى كېندو دېڭىز بۇرجىكىدە سپارتا دېڭىز ئارمىيىسىنى زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان، شۇنىڭدىن كېيىن سپارتا ئېگېي دېڭىزىدىكى ئۈستۈنلۈكىنى يوقاتقان. مىلادىدىن 390 يىل ئىلگىرى ئافىنا گېنېرالى ئىپېكرات ئەسكەرلەرگە ساۋۇت كىيدۈرۈپ يېنىك قوراللار بىلەن ئۇرۇشقا سېلىش تاكتىكىسى ئارقىلىق، سپارتا قوشۇنىنى كورىنتوس ئەتراپىدا يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ قىلغان. سپارتا نائىلاج پېرسىيىدىن ياردەم سورىغان. مىلادىدىن 387 يىل (ياكى 386 يىل) ئىلگىرى سپارتا پېرسىيە بىلەن پۈتكۈل گرېتسىيە مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىدىغان «كارول ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالاپ، پېرسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. كورىنتوس ئۇرۇشى پېرسىيە «شاھى» نىڭ بېسىمى ئاستىدا ئاياغلاشقان. سپارتانىڭ گرېتسىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قۇرۇق نامىلا قالغان. 

كوزلوۋ

  • كوزلوۋ[يەشمىسى:]» (Пётр Кузьмич Козлов، 1863 — 1935) رۇس. 1883-يىلى پرژېۋالىسكىي (Николай Миxайлович Пржевальский، 1839 — 1888) رەھبەرلىكىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەكشۈرۈش ئەترىتىگە قاتناشقان. ئۇزۇن ئۆتمەي پېتېربۇرگ ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1893-يىلى روبوروۋىسكىي (Всеволод Иванович Роборо - вскй، 1856 — 1910) باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش ئەترىتىگە قاتنىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېكىسپېدىتسىيە ۋە تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. كېيىن يەنە كۆپ قېتىم تەكشۈرۈش ئەترىتىگە باشچىلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال رايونىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئوغرىلاش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1899-يىلى ئۇ تەكشۈرۈش ئەترىتىنى باشلاپ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى، چاڭجياڭ ۋە لەنساڭجياڭ ۋادىلىرىغا بارغان. 1901-يىلى كۇرۇلۇن (ھازىرقى ئۇلانباتۇر) غا بېرىپ، نۇرغۇن مىنېرال، ئۆسۈملۈك ۋە قۇشلارنىڭ ئەۋرىشكىلىرىنى توپلاپ، روسىيە جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن. 1908-يىلى تاڭغىت سۇلالىسىنىڭ قەدىمكى پايتەختى قارا قۇتچۇرنى تېپىپ، نۇرغۇنلىغان تاڭغىتچە كىتابلارنى، رەسىم ۋە ئويما ئەسەرلەر قاتارلىق يادىكارلىقلارنى ئوغرىلاپ كەتكەن. 1924 — 1925-يىللىرى ئۇلانباتۇرنىڭ شىمالىغا 130 كىلومېتر كېلىدىغان نويۇن ئۇلاندىن ھونلارنىڭ قەبرىسىنى ئېچىپ، جۇڭگونىڭ خەن دەۋرىدىكى يىپەك توقۇلما بۇيۇملىرى، بۈيۈك شيا ۋە ئارشاك ئۇسلۇبىغا ئىگە يادىكارلىقلار ھەمدە سكتايلارنىڭ ئويما ھايۋانات بېزەكلىرى قاتارلىق يادىكارلىقلارنى تاپقان. «موڭغۇلىيە، ئاندۇر ۋە ئۆلۈك پايتەخت قارا قۇتچۇر»، «موڭغۇلىيە ۋە قام (شىكان)» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

كوزومى ياكۇمو

  • كوزومى ياكۇمو[يەشمىسى:]»(1850 —1904) ياپونىيىلىك يازغۇچى، ئەسلى ئىسمى لافكادىئوخېئارىن (Lafcadio Hearn) گرېتسىيىدە تۇغۇلغان. دادىسى ئىنگلىز، ئانىسى گرېك، دەسلەپتە ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىدە ئوقۇغان. كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ مۇخبىر بولغان ھەم ياۋروپا ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش، ئوبزور يېزىش ۋە ئىجادىيەت ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان، 1890-يىلى مۇخبىر سۈپىتىدە ياپونىيىگە بېرىپ سوڭجياڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئىنگلىز تىلىنى ئوقۇتقان. كېيىن ياپونلۇق كوزومى سېتسوكو بىلەن توي قىلغان ۋە ياپونىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. كوماموتا 5-ئالىي مەكتىپىدە پروفېسسور بولغان، توكيو داشۆسىدە، ۋاسىدا داشۆسىدە لېكتور بولۇپ ئەنگلىيە ئەدەبىياتىنى ئوقۇتقان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىنگلىز يېزىقىدا يېزىلغان. «ياپونىيىگە بىر نەزەر»، «غەلىتە گەپ-سۆزلەر»، «يۈرەك» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئەنگلىيە ئەدەبىياتىغا ئائىت كۆپ خىل ئەسەرلىرىنىمۇ قالدۇرۇپ كەتكەن، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن سوڭجياڭ شەھىرىدە ياكۇمو خاتىرە سارىيى سېلىنغان، كېيىن «كوزومى ياكۇمو ئەسەرلىرى» دىن 18 توم نەشىر قىلىنغان. 

كوزنېتسوۋ

  • كوزنېتسوۋ[يەشمىسى:]»(Николай Герасимович Кознецов، 1902 — 1974) سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيە مارشالى. دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. سوۋېت روسىيىسىدىكى گراژدانلار ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1925-يىلى كوممۇنىستىك پارتىيىگە كىرگەن. 1932-يىلى دېڭىز ئارمىيە ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1936 — 1937-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى پىدائىيلار قوشۇنىغا رەھبەرلىك قىلىپ ئىسپانىيە خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1937 — 1939-يىللىرى تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ قوماندانى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيە خەلق كومىسسارى ۋە دېڭىز ئارمىيە باش قوماندانى بولغان. 1948-يىلىدىن باشلاپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يىراق شەرق دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ قوماندانى بولغان. 1951 — 1953-يىللىرى دېڭىز ئارمىيىسى مىنىستىرى بولغان. 1953 — 1956-يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى، قوشۇمچە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. ئۇزۇندىن بۇيان سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى (1939 — 1955) بولغان. 

كوزېلىسكىي

  • كوزېلىسكىي[يەشمىسى:]»(Яков Павлович Козельский، تەخمىنەن 1728 — 1791( روسىيىلىك مەرىپەتچى، ماتېرىيالىستىك پەيلاسوپ. ئۇكرائىنادا كازاك ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى يىللىرى ھەربىي قۇرۇلۇش ئوقۇتقۇچىسى بولغان، كېيىن مەخپىي مەركىزىي ئاكادېمىيىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1768-يىلى «پەلسەپەدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەر» دېگەن كىتابنى ئېلان قىلىپ، يانچىلىق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇپ، ئىدېئالىزمنى، مەدرىسە پەلسەپىسى ۋە دىنىي ئەدەب-ئەخلاقنى تەنقىد قىلغان. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ساقلاپ قېلىش شەرتى ئاستىدا، نامراتلىق ۋە ئېزىش بولمىغان «ئادالەتلىك» جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى خام خىيال قىلغان. ئۇ يەنە «ئىككى ھىندى — قالان بىلەن ئىبراھىمنىڭ ئىنسانلارنىڭ بىلىشى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى» ناملىق پەلسەپىۋى ئەسەرنى ۋە تەبىئىي پەنگە دائىر ئەسەردىن «ماتېماتىكىدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەر» ۋە «مېخانىكىدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەر» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. 

كوسالا

  • كوسالا[يەشمىسى:]»(Kosala) ھىندىستاندىكى قەدىمكى دۆلەت. گانگ دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ شىمالىغا يەنى ھازىرقى شىمالىي شتات رايونىغا جايلاشقان. «ساتاراتا براھمانا» دېگەن كىتابتا ھەممىدىن ئاۋۋال تىلغا ئېلىنغان. بۇددا دىنى گۈللەنگەن دەۋردە شۇ چاغدىكى تۆت چوڭ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. پايتەختى شىرۋى شەھىرى ھەم بالدۇرقى پايتەختى ئاجانتا شەھىرى شۇ چاغدىكى سەككىز چوڭ شەھەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. پادىشاھ پاسېنادى ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا كاسى، ساكيا مىللەتلىرىنى ۋە يېقىن ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەرنى بويسۇندۇرغان، گانگ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىن ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگىچە بولغان كەڭ رايونغا ئىگە بولۇپ بەك قۇدرەت تاپقان، كېيىن ماگادخانىڭ پادىشاھ ئاجاتاسىئاتورو بىلەن ئۇزاققىچە ئۇرۇش قىلغان، نەتىجىدە ئىككى تەرەپ قۇدا بولۇشۇش يولى بىلەن يارىشىپ قالغان، پادىشاھ پاسېنادى ۋەزىرنىڭ سۇيىقەستلىك پىلانلىشى ئارقىسىدا بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئورنىغا چىققان؛ ئۇ ساكيا دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭ پايتەختىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ھەدەپ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن، تەخمىنەن ماگادىخانىڭ پادىشاھى شىسۇناجا دەۋرىدە (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا) ماگادىخا تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان.

كوستا

  • كوستا[يەشمىسى:]»(1) ۋاكۇئىن كوستا مارتىنز (Joaquin Costa y Martinez، 1846 — 1911). ئىسپانىيىلىك قانۇنشۇناس. دەسلەپتە ئىش بېجىرىش ئورنىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، كېيىن قانۇن ئۆگىنىپ، مادرىدتا گۇۋاھچىلىق قىلغان، ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە جۇمھۇرىيەت ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىسلاھاتنى يۈرگۈزۈپ، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ قالدۇق تەسىرىنى يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىسپانىيە ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسىي چىقىش يولى — دېھقاننى يەرگە ئىگە قىلىش، دەپ ھېسابلىغان. جايلاردىكى دېھقانلار جەمئىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ئىتتىپاقى ۋە مەملىكەتلىك بىرلەشمە قۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن، ئەمما مەغلۇپ بولغان. 1904-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان بولسىمۇ، لېكىن پارلامېنتقا قاتنىشىشنى رەت قىلغان. تارىخ، ئىقتىساد، پەلسەپە، سىياسىي، قانۇن، مائارىپ ۋە ئېتنوگرافىيە ئىلىملىرى بويىچە 40 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. (2) ئاندرىيا كوستا (Andrea Costa، 1851 — 1910) ئىتالىيە سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى، سىياسىي ئوبزورچى. پارىژ كوممۇنىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. بىر مەزگىل ئانارخىزمچى تەشكىلات — «ئىشچىلار ئىتتىپاقى» نىڭ كاتتىبېشى بولغان. 1879-يىلى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئانارخىستلار بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن ھەمدە ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1881 — 1891-يىللىرى روماگنا (Romagna) سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، كۆپ قېتىم 2-ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1882-يىلدىن باشلاپ، ئىتالىيە پارلامېنتنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك، كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە قارشى چىققان. شۇ سەۋەبتىن، بىرقانچە قېتىم ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سوتقا تارتىلغان. 1892-يىلى ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان.

كوسسۇت

  • كوسسۇت[يەشمىسى:]»(Kossuth Lajos، 1802 — 1894) ۋېنگرىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى. ئۇششاق ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1832 — 1836-يىللىرى چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ خۇسۇسىي ۋەكىلى سۈپىتىدە ۋېنگرىيە پارلامېنتىغا قاتناشقان. «پارلامېنت خەۋەرلىرى» نى چىقىرىپ، ھابىسبۇرگ پادىشاھلىقىغا قارشى چىققانلىقتىن، نەزەربەند قىلىنغان. 1841-يىلى 1-ئايدا «بۇداپېشت خەۋەرلىرى گېزىتى» نى نەشىر قىلىپ، بۇرژۇئازىيىچە ئىسلاھات ۋە مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش تەلىپىنى تەشۋىق قىلىپ، ۋېنگرىيىنىڭ تونۇلغان سىياسىئونى بولۇپ قالغان. 1847-يىلى 11-ئايدا ۋېنگرىيە پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان. 1848-يىلى 15-مارتتىكى «بۇداپېشت قوزغىلىڭى» دىن كېيىن، ۋېنگرىيىنىڭ جاۋابكار ئىچكى كابىنېت مالىيە مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. 7-ئايدا، ۋېنگرىيە 1-نۆۋەتلىك خەلق پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلىنىپ، ۋېنگرىيە خەلق ئارمىيىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 9-ئايدا، ۋەتەننى قوغداش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ، ئاۋسترىيە قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى قوراللىق كۈچىنى پائال ئۇيۇشتۇرغان. 1849-يىل 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، ۋېنگرىيىنىڭ ئاۋسترىيىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولغانلىقىنى ۋە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، دۆلەت باشلىقى بولغان. لېكىن دېھقانلارنىڭ يەر مەسىلىسى ۋە غەيرىي ۋېنگىر مىللەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالماي، چارروسىيە، ئاۋسترىيە قوشۇنلىرىنىڭ بىراقلا ھۇجۇم قىلىشى ۋە ۋېنگرىيىدىكى ئوڭچىل تەسلىمچى كۈچلەرنىڭ تەھدىتى ئارقىسىدا، 1849-يىلى 8-ئايدا ھاكىمىيەتنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ، تۈركىيىگە سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتكەن. ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى ۋېنگرىيە ئىنقىلابىنى باستۇرغاندىن كېيىن، سىرتىدىن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان. 1852 — 1859-يىللىرى ئەنگلىيىدە مۇھاجىر بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ، كېيىن تۇرېنغا كۆچۈپ بارغان. 1859-يىلى ئىتالىيىنىڭ بىرلىك ھەرىكىتى مەزگىلىدە، ۋېنگرىيە كورپۇسىنى تەشكىل قىلىپ، گارىبالدى ئارمىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. 1867-يىلى دۇئالىستىك تۈزۈمىدىكى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە بىرلەشمە ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرغان. كېيىن ئىتالىيىدە ئۆلگەن.

كوسكيۇسكو

  • كوسكيۇسكو[يەشمىسى:]»(Tadeusz Andrzej Bonawentura Kosciuszko، 1746 — 1817) پولشا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە فرانسىيىنىڭ ھەربىي شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1776-يىلى شىمالىي ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن. 1784-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. 1789-يىلى گېنېرال مايورلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، پولشا ئارمىيىسىنى ئۆزگەرتكەن. كېيىن 1791-يىلى پولشا لىبېرالىستلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ھىمايە قىلغان. 1792-يىلى تارگېۋىچا ئىتتىپاقىغا قارشى جەڭگە قاتناشقان. 1794-يىلى روسىيە بىلەن پرۇسسىيىنىڭ پولشانى بۆلۈشۈۋېلىشىغا قارشى قوزغالغان كراكوۋ مىللىي قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، روسىيە ئارمىيىسىنى بىرنەچچە قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، بىر مەزگىل ۋارشاۋا شەھىرىنى ئىگىلەپ، ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت قۇرغان. دېھقانلارنىڭ ئازادلىق خىتابنامىسىنى ئېلان قىلغان. شۇ يىلى 10-ئايدا جەڭدە يارىدار بولۇپ روسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشكەن. 1796-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. ئامېرىكا ۋە فرانسىيىدە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن، كېيىن شۋېتسارىيىدە ئۆلگەن. كراكوۋغا دەپنە قىلىنغان.

كوسكيۇسكو قوزغىلىڭى

  • كوسكيۇسكو قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]»ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى پولشا خەلقىنىڭ يات مىللەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. 1794-يىل 3-ئاينىڭ 24-كۈنى كوسكيۇسكو پولشا خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ كراكوۋ شەھىرىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شۇ شەھەردە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقان روسىيە تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن كۈرەش قىلغان. شۇ يىلى 4-ئايدا ۋارشاۋادىمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، روسىيە ئارمىيىسى ۋارشاۋادىن قوغلاپ چىقىرىلغان، كوسكيۇسكو ۋارشاۋاغا كېلىپ، پۈتكۈل پولشا ھاكىمىيىتىنى تەشكىللەشكە ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق كۆرگەن. 5-ئايدا «پورانېز پەرمانى» نى چىقىرىپ، دېھقانلارنى ئازاد قىلىپ، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان. لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 5-ئايدا پرۇسسىيە ئارمىيىسى پولشاغا تاجاۋۇز قىلىپ، 6-ئايدا كراكوۋنى ئىشغال قىلغان، روسىيە پرۇسسىيە ئارمىيىسى ۋارشاۋانى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغان. قوزغىلاڭچىلار، قول-سانائەت ئىشچىلىرى ۋە شەھەر ئاھالىلىرى تاجاۋۇزچىلارغا پائال تۈردە قارشىلىق كۆرسەتكەن، لېكىن كۈچلەر سېلىشتۇرمىسىدا پەرق چوڭ بولغانلىقتىن قوزغىلاڭچىلار مەغلۇپ بولۇپ، كوسكيۇسكو يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشكەن. 11-ئايدا ۋارشاۋا ئىشغال قىلىنغان، ئىككىنچى يىلى پولشا ئۈچىنچى قېتىم بۆلۈۋېلىنىپ يات مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان.

كوسموس

  • كوسموس[يەشمىسى:]»(Cosmas، تەخمىنەن 1039 — 1125) چېخ (بوھېمىيە) لىك تارىخچى. دەسلەپكى يىللىرى غەربىي ياۋروپادا ئوقۇغان، فرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ساياھەت قىلغان. دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، پراگا چېركاۋىنىڭ باش روھانىيلىقىغا تەيىنلەنگەن. «بوھېمىيە يىلنامىسى» ناملىق ئۈچ جىلدلىق ئەسىرى چېخنىڭ دەسلەپكى «تارىخىي» ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. تەپسىلىي بايان، تەسىرلىك خاتىرىلىرى بىلەن «بوھېمىيىنىڭ ھېرودوتوسى» دېگەن نامغا مۇشەررەپ بولغان.

كوسمومېدىچى

  • كوسمومېدىچى[يەشمىسى:]»(Cosimo de Medici، 1389 — 1464) فلورېنسىيىلىك بانكىر، سىياسىئون، مېدىچى جەمەتىنىڭ مۇھىم ئەزاسى. 1434-يىلى ئالبىززى جەمەتىنىڭ ئورنىنى دەسسەپ فلورېنسىيە ھاكىمىيىتىنى تىزگىنلەپ تىران سىياسىتىنى (جۇمھۇرىيەت شەكلىنى ساقلاپ قالغان) قۇرغان، پۈتۈن كۈچى بىلەن پۇل مۇئامىلە ۋە سودا-سانائەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنىڭ بانكا كاپىتالى 30 مىڭ ئالتۇن فلورېنىغا يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەدەبىيات-سەنئەتنى قوللىغان. 1453-يىلى كونىستانتىنوپول قولدىن كەتكەندىن كېيىن ئىتالىيىگە قېچىپ كەلگەن بىر تۈركۈم يۇنان ئالىملىرىغا باشپاناھ بولۇپ، فلورېنسىيىنىڭ ئىتالىيىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قېلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن.

كوسمىنىسكىي

  • كوسمىنىسكىي[يەشمىسى:]» (Евгений Алексеевич Косминский، 1886 — 1959) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق تارىخشۇناس. 1910-يىلى موسكۋا داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەكتەپتە قالغان. 1919-يىلى پروفېسسور بولغان. 1934-يىلى ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئورنى ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1946-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەنگلىيىنىڭ يەر تۈزۈمى تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ⅩⅢ ئەسىردىكى ئەنگلىيە فېئودال مانور (Manor) لىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ تارىخشۇناسلىق تارىخى، ⅩⅦ ئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى تارىخى ۋە ۋىزانتىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ تۆھپىسى بار. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ⅩⅢ ئەسىردىكى ئەنگلىيە يېزىلىرى»، «ⅩⅢ ئەسىردىكى ئەنگلىيىنىڭ يەر تۈزۈمى تارىخى ھەققىدە تەتقىقات»، «ئوتتۇرا ئەسىردىكى تارىخشۇناسلىق تارىخى» قاتارلىقلار بار.

كوسوۋو جېڭى

  • كوسوۋو جېڭى[يەشمىسى:]»(1) 1389-يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنى، سېربىيىنىڭ جەنۇبىدىكى پرىستىنا (Pristina) شەھىرىنىڭ يېنىدىكى كوسوۋو دالاسىدا سېربىيە كىنەزى لازار باشچىلىقىدىكى سېربىيە، بوسىنىيە، بۇلغارىيە ۋە ۋالاخىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى (تەخمىنەن 20 مىڭ كىشىلىك قوشۇن) بىلەن سۇلتان مۇراد Ⅰ باشچىلىقىدىكى تۈركىيە قوشۇنلىرى (تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىك) ئېلىپ بارغان ھەل قىلغۇچ جەڭ. ئۇرۇش تازا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن چاغدا، بىر سېرب مۇرادⅠ نىڭ چېدىرىغا كىرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرگەن. لېكىن تۈركىيە قوشۇنلىرى مۇرادⅠ نىڭ ئوغلى بايازدنىڭ قوماندانلىقىدا ئاخىرى بىرلەشمە ئارمىيىنى مەغلۇپ قىلغان، لازار ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، سېربىيە تۈركىيىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان. 1459-يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ تېررىتورىيىسىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەن. (2) 1448-يىل 10-ئاينىڭ 17-كۈنى كوسوۋا دالاسىدا تۈركىيە سۇلتانى مۇراد Ⅱ ھۇنيادى باشچىلىقىدىكى ۋېنگرىيە قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغان جەڭ.

كوسېگىن

  • كوسېگىن[يەشمىسى:]»(Алексей Николаевич КосьIгин، 1904 — 1980). سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى (1964 — 1980). سانت پېتېربۇرگتىكى بىر ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1919-يىلى قىزىل ئارمىيىگە قاتناشقان. 1927-يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. كېيىن لېنىنگرادتىكى كىروۋ توقۇمىچىلىق شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن لېنىنگرادتىكى ئىككى توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىشلىگەن. 1938-يىلى 7-ئايدا لېنىنگراد ئوبكومىنىڭ سانائەت-قاتناش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان، شۇ يىلى 10-ئايدا لېنىنگراد شەھەرلىك سوۋېت ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1939 — 1940-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى توقۇمىچىلىق سانائىتى خەلق كومېسسارى بولۇپ ئىشلىگەن. 1940 — 1946-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسى بولغان ھەمدە روسىيە فېدېراتسىيىسى، خەلق كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. 1946-يىلى 3-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتى مىنىستىرلار سوۋېتىگە ئۆزگەرگەندە مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1953-يىلى يەنە مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1960-يىلى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1964-يىلى 10-ئايدا خروششېۋ تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىپ، ئۇزۇن ۋاقىت ئىقتىسادىي خىزمەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان، 1939-يىلىدىن باشلاپ سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، 1946-يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا، 1948-يىلى سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1952-يىلى سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيىسى پرىزدىئومنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا سايلانغان، 1960-يىلى پرىزدىئوم ئەزاسى بولغان. 1966-يىلىدىن باشلاپ سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزاسى بولغان. 1980-يىلى 10-ئايدا مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئۇنىڭ «ئۇلۇغ نىشاننى كۆزلەپ» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

كۇئاسىمودو

  • كۇئاسىمودو[يەشمىسى:]»(Salvatore Quasimodo، 1901 — 1968) ئىتالىيىلىك شائىر، تىياتىر ئوبزورچىسى. سىتسىلىيىدە تۇغۇلغان. رىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سانائەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. كېيىن قۇرۇلۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. لېكىن پۈتۈن كۈچى بىلەن شېئىر ئىجادىيىتى ۋە يۇنان، لاتىن يېزىقلىرىنى تەتقىق قىلغان. 1930-يىلى «سۇ ۋە تۇپراق» شېئىرلار توپلىمى تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغان. 1935-يىلىدىن باشلاپ مىلان مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا ئەدەبىياتتىن دەرس ئۆتكەن. 1938-يىلى «دەۋر» ژۇرنىلىنى تۈزگەن. ئۇ 30-يىللاردىكى ئىتالىيە چۈشىنىكسىزلىك تەرەپدارلىرىنىڭ ۋەكىلى. ئۇ، سۆزنىڭ سېھرىي كۈچى بولىدۇ، «مۇتلەق سۆز» بولىدۇ؛ سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە باغلىنىشىغا تايىنىپ، ھېسسىياتنى يەتكۈزۈپ، ئويلاپ باقمىغان ئۈنۈمگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. 1959-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «كۈنلەر»، «تۇرمۇش چۈش ئەمەس»، «ھەقىقىي يېشىللىق ۋە يالغان يېشىللىق»، «شائىر ۋە سىياسەتۋاز» قاتارلىق ئەسەرلىرى ھەمدە يۇنان، لاتىن، ئىنگلىز ۋە فرانسۇز تىللىرىدىن تەرجىمە قىلغان كۆپ خىل ئەدەبىي ئەسەرلىرى بار. 

كۇسىنېن

  • كۇسىنېن[يەشمىسى:]»(Отто Вильгельмович Куусинен، 1881 — 1964) سابىق سوۋېت كومپارتىيىسى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن بىرى. فىنلاندىيىلىك. تىككۈچى ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1904-يىلى فىنلاندىيە سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1905-يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە فىنلاندىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، خېلىسنكىدا ئىشچىلار قىزىل گۋاردىيە ئەترىتىنى تەشكىللىگەن. 1911 — 1917-يىللىرى فىنلاندىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1918-يىلىدىكى فىنلاندىيە ئىشچىلار ئىنقىلابىنىڭ يولباشچىسى ۋە فىنلاندىيە كومپارتىيىسىنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى. 1921 — 1939-يىللىرى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتى سېكرىتارى بولغان. 1940 — 1953-يىللىرى كارىلوفىن ئالىي سوۋېتى پرىزدىئومىنىڭ رەئىسى بولغان. 1941-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتى ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1957-يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي پرىزدىئومنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولۇپ كەلگەن. 1956 — 1962-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتى مىللەتلەر پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان.

كۇشان پادىشاھلىقى

  • كۇشان پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]» مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا باش كۆتۈرگەن قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت. ئۇلۇغ توخرىيلارنىڭ كۇشان (Kushan) ئاقساقىلى (قەبىلە باشلىقى) كۇجۇلا تەرىپىدىن قۇرۇلغان. بۇ پادىشاھلىق ۋىماكا دىفىستىن كانىشكاغىچە ئۈزلۈكسىز سىرتقا كېڭىيىپ، پادىشاھلىقنىڭ كۈچى بارغانسېرى روناق تېپىپ، زېمىنى شىمالدا خارەزىمدىن باشلىنىپ، جەنۇبى ۋىندىيا تېغىغا يەتكەن. غەربى ئارال دېڭىزىدىن باشلىنىپ، شەرقتە پامىر تېغىغا تۇتىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندى يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان؛ پايتەختى پۇرشاپۇرا (Pursapura، ھازىرقى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرى). پادىشاھلىقنىڭ سودا-ئىقتىسادى تەرەققىي تېپىپ، «يىپەك يولى» نىڭ مۇھىم جايى بولۇپ قالغان؛ غەربتە پارفىيە، رىم بىلەن، شەرقتە جۇڭگو بىلەن قويۇق سودا مۇناسىۋىتى ئورناتقان. مەدەنىيىتى قەدىمكى ھىندىستان، ئىران ۋە يۇناننىڭ تەركىبلىرىنىڭ ئارىلاشمىسى بولۇپ، گاندارا سەنئىتى بىلەن مەشھۇر. پادىشاھ كانىشكا ماھايانا بۇددىزمىنى تەشەببۇس قىلىپ، تۆتىنچى قېتىملىق بۇددا يىغىلىشىنى چاقىرغان. بىر تۈركۈم راھىبلارنى چەت ئەلگە دىن تارقىتىشقا ئەۋەتكەن. مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە پادىشاھلىق بارا-بارا ئاجىزلاپ، بىرقانچە ئۇششاق بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ساسانىلار سۇلالىسى غەربىي ئاسىيادا باش كۆتۈرۈپ، گۇپتا سۇلالىسى ھىندىستاننىڭ شىمالىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، مىلادى Ⅴ ئەسىردە ئېفتالىتلار (ئاق ھونلار) شىمالدىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، پادىشاھلىقنى ھالاكەتكە ئۇچراتقان.

كوشىسې پروگراممىسى

  • كوشىسې پروگراممىسى[يەشمىسى:]» ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرى، چېخوسلوۋاكىيە مىللىي فرونتى ھۆكۈمىتىنىڭ 1945-يىل 4-ئاينىڭ 5-كۈنى كوشىسېدا جاكارلىغان مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلاب پروگراممىسى. ئۇنىڭ ئاساسى مەزمۇنى: بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، فاشىستلار گېرمانىيىسىنى مەغلۇپ قىلىش؛ چېخوسلوۋاكىيە زېمىنىدا ھەممە مىللەت باپباراۋەر بولۇش؛ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى، ۋەتەن خائىنلىرىنى ۋە دۈشمەن قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئاسىيلىق قىلغان ئۇنسۇرلارنى جازالاش؛ ھەربىي بيۇروكرات ئورگانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خەلق دېموكراتىك ھاكىمىيىتىنى بەرپا قىلىش؛ گېرمانىيە پومېشچىكلىرىنىڭ ۋە مىللىي ئاسىيلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، يەرسىز ۋە يېرى ئاز دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىش؛ بانكا، ئىستراخۋانىيە شىركىتى ۋە چوڭ سانائەت كارخانىلىرىنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈشنى يولغا قويۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

كوشىسې نىزامنامىسى

  • كوشىسې نىزامنامىسى[يەشمىسى:]» ئوتتۇرا ئەسىردە پولشانىڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامنامىسى. 1374-يىلى ۋېنگرىيە كورۇلى، قوشۇمچە پولشا كورۇلى لۇئى Ⅰ كوشىسې شەھىرىدە (Kosice، ھازىرقى چېخوسلوۋاكىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدا) جاكارلىغان. پولشانىڭ كىچىك ئاقسۆڭەكلىرى لۇئىنىڭ قىزىنىڭ پولشا كورۇلىنىڭ ۋارىسى بولۇشىغا قوشۇلغانلىقتىن، لۇئى پولشا كىچىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ۋە ئۇنى كېڭەيتىشكە ماقۇل بولغان؛ پولشا كىچىك ئاقسۆڭەكلىرى ئازغىنە يەر بېجى تاپشۇرغاندىن باشقا، باج-سېلىقلار كەچۈرۈم قىلىنغان؛ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەندە دۆلەت ئىچىدە بولۇش، ئەگەر چەت ئەلگە سەپەرگە چىقىشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭغا ئايرىم ھەق بېرىش؛ ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەل-مەنسەپلىرىنى پەقەت پولشا ئاقسۆڭەكلىرى ئۈستىگە ئېلىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. نىزامنامىدە پولشانىڭ پادىشاھلىق ھوقۇقى چەكلىنىپ، كىچىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تۇرمۇشىدىكى تەسىرى كۈچەيتىلگەن.

كوك

  • كوك[يەشمىسى:]»(James Cook، 1728 — 1779) ئەنگلىيىلىك دېڭىز ساياھەتچىسى ۋە ئېكسپېدىتسىيىچى. يۇرك ۋىلايىتىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1755-يىلى ئەنگلىيە خانلىق دېڭىز ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1759-يىلى «مېركۇرىي» ناملىق پاراخوتنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئامېرىكا قىتئەسىگە بارغان. 1768-يىلى دېڭىز ئارمىيە ستارشى لېيتېنانتلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ئۇ، ئۈچ قېتىملىق دېڭىز قاتناش تەكشۈرۈشىگە رەھبەرلىك قىلغان: بىرىنچى قېتىم (1768 — 1771). «تىرىشىش» ناملىق پاراخوتقا قوماندانلىق قىلىپ، ئاتلانتىك ئوكياندىن يولغا چىقىپ، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ھورن تۇمشۇقى ئارقىلىق تىنچ ئوكيانغا كىرىپ، يېڭى زېلاندىيە قىرغاقلىرى بىلەن ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي قىرغىقىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىققان. ئىككىنچى قېتىم (1772 — 1775) «مۇستەھكەم» ناملىق پاراخوتنى باشلاپ جەنۇبىي يېرىم شاردىكى ئوكياننى ئايلىنىپ چىقىش سەپىرىنى ئورۇنداپ، تۇنجى قېتىم جەنۇبىي قۇتۇپ جەمبىرىنى كېسىپ ئۆتكەن. ئۈچىنچى قېتىم (1776 — 1779) «مۇستەھكەم» ناملىق پاراخوتنى يەنە بىر قېتىم باشلاپ، شىمالىي مۇز ئوكيان سۇ يولى ئارقىلىق، ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان غەربىي شىمالى يولىنى تېپىش ئۈچۈن غەربتىن-شەرققە قاراپ مېڭىپ، ھىندى ئوكيان ئارقىلىق تىنچ ئوكيانغا كىرىپ، بېرىنگ بوغۇزى ئەتراپىدا مۇزغا ئۇچراپ قېلىپ قايتىپ كەتكەن. سەپەر ئۈستىدە سۈندېرۋېچ تاقىم ئاراللىرى (ھازىرقى ھاۋاي تاقىم ئاراللىرى) غا كەلگەندە يەرلىك ئاھالىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. كوكنىڭ تەكشۈرۈشلىرى ئاۋسترالىيىنىڭ ئانتراكتىكىغا سوزۇلۇپ كىرگەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بىر قىسمى ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان ھەمدە ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىز قىرغىقى، نورفولك تاقىم ئاراللىرى بىلەن ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىنى تاپقان. ئۇ ئۆزىنىڭ دېڭىز سەپىرى خاتىرىسىدە كۆپرەك مائورىلار (Maoris) نىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىمۇ تەسۋىرلىگەن.

كوكلوپلار

  • كوكلوپلار[يەشمىسى:]»(Kyklopes ياكى Cyclopes) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى يۇمىلاق كۆزلۈك گىگانت ئادەملەر ياكى يەكچەشمە گىگانت ئادەملەر. گومېرنىڭ «ئودىسسا» دېگەن داستانىدا ئۇلارنىڭ يىراقتىكى سىتسىلىيە ئارىلىدا ئولتۇراقلىشىپ مال باقىدىغانلىقى، يولۇچىلارنى يەيدىغانلىقى ئېيتىلغان. ترويا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئودىسوس ئۆز ئەسكەرلىرىنى باشلاپ يۇرتىغا قايتىش سەپىرىدە مۇشۇ دېڭىز ئارىلىغا يېتىپ بارغاندا يەكچەشمە گىگانت (ئېيتىشلارغا قارىغاندا كۆزى پېشانىسىنىڭ تاق ئوتتۇرىسىدا ئىمىش) پولىپېمۇس (Polyphemus، دېڭىز ئىلاھى پوسېيدوننىڭ ئوغلى) ئۇلارنى تاغ ئۆڭكۈرىگە سولاپ قويۇپ كۈندە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىدىن ئىككىنى يەپ تۇرىدىكەن. ئودىسوس ئۇچلانغان بادىر بىلەن گىگانت ئادەمنىڭ كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ، قېپقالغان ھەمراھلىرىنى قوشقارنىڭ قورسىقىغا تېڭىپ، غاردىن قېچىپ ئامان قالغانىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ھېسئودېنىڭ خاتىرىسىگە قارىغاندا، كوكلوپلار ئاسمان تەڭرىسى ئۇرانئۇس بىلەن يەر ئانىسى گەييا تۇغقان ئۈچ ئوغۇل يەنى ئ-ارگېس (Arges)، سىتېروپېس (Steropes) ۋە پرونتېس (Brontes) نىڭ نامى ئىكەن.

كوگېلنىكانۇ

  • كوگېلنىكانۇ[يەشمىسى:]» (Mihail Kogalniceanu، 1817 — 1891) رومىنىيە كىنەزلىكىنىڭ باش ۋەزىرى (1863 — 1865)، تارىخشۇناس. ياسسېدا تۇغۇلغان. 1834 — 1838-يىللىرى فرانسىيە ۋە گېرمانىيىدە بىلىم ئالغان. 1843 — 1844-يىللىرى مولدوۋا مىخائىلىنىي شۆيۈەنىدە تارىخ دەرس ئۆتكەن. 1848-يىلى ئىنقىلاب ھارپىسىدا سۈرگۈن قىلىنغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەمدە «مولدوۋا مىللىي پارتىيىسىنىڭ تەلىپى» نى ئېلان قىلىپ، بۇرژۇئا دېموكراتلىرىنىڭ ئىسلاھات پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مولدوۋا بىلەن ۋالاخىيەنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن رومىنىيە دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 50-يىللاردىكى قىرىم ئۇرۇشىدىن كېيىن، دوناي دەرياسى كىنەزلىكلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1860 — 1861-يىللىرى مولدوۋا ھۆكۈمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە بىر قاتار بۇرژۇئاچە ئىسلاھاتلارنى يۈرگۈزگەن: موناستىرلارنىڭ يەرلىرىنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋالغان؛ يېڭى ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلىپ، يانچىلىق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىسلاھاتنى يولغا قويغان؛ قايتۇرۇۋېلىش سوممىسى تاپشۇرۇش شەكلى بىلەن يەرلەرنى دېھقانلارغا بۆلۈپ بەرگەن، فېئودال پومېشچىكلارنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلىدىن، نائىلاج ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 70-يىللاردا بىر مەھەل دىپلوماتىيە ۋەزىرى بولغان. 1877-يىل 5-ئاينىڭ 9-كۈنى تۆۋەن پالاتادا رومىنىيىنىڭ مۇستەقىللىكى جاكارلانغاندىن كېيىن، رومىنىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان. «ۋالاخىيە، مولدوۋا ۋە دوناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋالاخىيىلىكلەرنىڭ تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

كولا

  • كولا[يەشمىسى:]» (Chola ياكى Cola) جەنۇبىي ھىندىستاندىكى قەدىمكى دۆلەت. جۇڭگونىڭ تارىخ كىتابلىرىدا چېلى، جۇلىيى، سولى، جۇليەن دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. ھازىرقى ھىندىستان كوروماندېل(Coromandel) دېڭىزىنىڭ بويىغا جايلاشقان. ئەڭ دەسلەپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىكى پادىشاھ ئاسوكا (Asoka) نىڭ ئويما يېزىق پەرمانلىرىدا ئۇچرايدۇ، بۇ چاغدا بۇددا دىنى تارقىلىپ كىرگەن. Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پادىشاھ كارىكارا (Karikora) تەختتىكى مەزگىلدە، پاندىيا بىلەن جېرۇ بىرلەشمە ئارمىيىسىنى يېڭىپ، بۇنىڭ بىلەن كولاتامىل (Tamil) بەگلىكلىرى ئىچىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان. يەنە سەيلون (ھازىرقى سىرىلانكا) غا يۈرۈش قىلغان، رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، سەيلوننىڭ 12 مىڭ ئاھالىسىنى ئېلىپ كېلىپ، دېڭىز پورتى شەھەرلىرىنىڭ قورغانلىرىنى ياساتقۇزغانىكەن. Ⅲ (ياكى Ⅳ) ئەسىردە، پاللاۋا (Pallava) نىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ۋە پاندىيا ھەم جېرۇنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى ئارقىسىدا دۆلەت ئاجىزلاپ كەتكەن. Ⅶ ئەسىردە جۇڭگولۇق شۇەنزاڭ ھىندىستاننى زىيارەت قىلىپ بارغاندا كولا دۆلىتىنىڭ «زېمىنى چۆلدەرەپ، كۆل-سازلىقلىرىنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكى» نى كۆرگەنىكەن. Ⅸ — Ⅹ ئەسىرلەردە قايتىدىن گۈللىنىپ، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي ۋە سەيلوننى كونترول قىلغان، Ⅺ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا كەلگەندە راسا قۇدرەت تېپىپ، گانگ دەرياسى ۋادىلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەن ھەمدە دېڭىزدىن ئۆتۈپ مالاي يېرىم ئارىلىغا يۈرۈش قىلغان، Ⅻ ئەسىردىن باشلاپ ئاجىزلاپ كەتكەن.

كولاروۋ

  • كولاروۋ[يەشمىسى:]»(Василь Петров Коларов، 1877 — 1950) بۇلغارىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن بىرى. 1897-يىلى ئىشچىلار سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيىسىگە كىرگەن. 1905-يىلى «ئىتتىپاقلىق گۇرۇھى» دىكى سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغان. «ئىتتىپاقلىق گۇرۇھى» سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيىسى كومپارتىيە قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەندىن كېيىن (1919 — 1923-يىللىرى) مەركىزىي كومىتېت سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن، 1923-يىلى سېنتەبر قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. 1923 — 1945-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى (1922 — 1923) ۋە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى بولغان (1922 — 1943). ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پائال تۈردە بۇلغارىيە فاشىزمغا قارشى مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنى تەشكىللىگەن. ئازادلىقتىن كېيىن خەلق پارلامېنتىنىڭ رەئىسى (1946 — 1947) مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1947 — 1949)، مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى (1949 — 1950) بولغان.

كولبېرت

  • كولبېرت[يەشمىسى:]»( Baptiste ColbertJean، 1619 — 1683) فرانسىيىنىڭ مالىيە باش نازارەتچىسى (1665 — 1683). يۇڭ توقۇلما ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپكى چاغدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە باشقارمىسىدا ئىشلىگەن، 1649-يىلى دۆلەت مەسلىھەتچىسى بولغان. لۇئىⅩⅣ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، 1665-يىلى مالىيە باش نازارەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن، سودا ئەلاچىلىقى (كولبېرتىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ) سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، چېگرا بېجىنى قوغداپ، ئېكسپورتنى كۆپەيتىپ، ئىمپورتنى ئازايتىپ سودىدىكى ئاكتىپ بالانسنى ساقلاپ قالغان: سودىنى مونوپول قىلىدىغان ئىمتىيازلىق شىركەتلەرنى تەسىس قىلغان؛ دېڭىز ئارمىيە فلوتى ۋە چەت ئەل سودا ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ، شىمالىي ئامېرىكىغا بولغان مۇستەملىكىچىلىك كېڭەيمىچىلىكىنى كۈچەيتكەن. دۆلەت ئىچىدە يول، قاناللارنى ياساپ، پورتلار (تولۇن، چېربۇرگ) نى كېڭەيتىپ قۇرغان. قول سانائەت نىزامىنى تۈزۈپ، قەرز پۇل ھەم پاتېنت ھوقۇقى بېرىپ، قول سانائەت دۇكانلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چازىلارنى بىكار قىلىپ، باش باج ئېلىش ئورنىنى تەسىس قىلىپ، فرانسىيە كاپىتالىزمىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لۇئى ⅩⅣ نىڭ تۈرلۈك قانۇن ۋە نىزاملارنى ئېلان قىلىشىغا تۈرتكە بولغان، ئاكادېمىيە، ھەر خىل كەسپىي مەكتەپلەر ۋە پارىژ رەسەتخانىسى قاتارلىقلارنى قۇرغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى مالىيە قالايمىقانلىشىپ كېتىپ، ئېتىبارسىز قارىلىپ قالغان. ئۇنىڭ «خەت-چەك، كۆرسەتمە ۋە ئەسلىمە» سى بار.

كولتىررو مەدەنىيىتى

  • كولتىررو مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]» شۋېتسارىيىنىڭ يېڭى تاش قورال دەۋرىدىكى مەدەنىيىتى. شۇ جايدىكى ئوتتۇرا تاش قوراللار مەدەنىيىتىدىكى ئازىل مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسلىق فرانسىيىگە تارقالغان دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى بولغان سۇسى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىققان بىر خىل مەدەنىيەت. تەخمىنەن مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرى باشلانغان. بۇ مەدەنىيەتنىڭ تىپىك خارابىلىقى شۋېتسارىيىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى نېئوشاتىل كۆلى بويىدىكى سۇ ئۈستى قۇرۇلۇشى خارابىسىدىن ئىبارەت. كىشىلەر ئىقتىسادىي تۇرمۇشتا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان، بۇغداي، ئارپا، پۇرچاق تىپىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئالما قاتارلىقلارنى تېرىغان ھەمدە كالا، چوشقا، قوي باققان، لېكىن تاش پارچىلىرىدىن ياسالغان تاش ئوتىغۇچ، يا ئوقى ۋە سۆڭەكتىن ياسالغان ئۇچلۇق قوراللار بىلەن ئوۋچىلىق قىلغان، ئارا ۋە تورلاردىن پايدىلىنىپ ھەر خىل ھايۋانلارنى تۇتۇپ تىرىكچىلىك قىلغان. بۇغا مۈڭگۈزىدىن ساپ قىلىنغان تاش پالتا خېلى تەرەققىي قىلغان. قورساقلىق، تۇتقۇچلۇق ساپال قاچىلىرىنى ئىشلەتكەن. كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق يەنە ئەۋج ئېلىشقا باشلاپ، دېھقانچىلىق بارا-بارا تاشلىۋېتىلگەن.

كولچاك

  • كولچاك[يەشمىسى:]»(Александр Василиевич Колчак، 1874 — 1920) چار روسىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى، سابىق سوۋېت گراژدانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئەكسىلئىنقىلابچىلارنىڭ يولباشچىلىرىنىڭ بىرى. ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1916 — 1917-يىللىرى قارا دېڭىز فلوتىنىڭ قوماندانى بولغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئومىسكىدا ئاق گۋاردىيىچىلەرنىڭ «سىبىرىيە ھۆكۈمىتى» گە قاتناشقان، دېڭىز ئارمىيىسى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. كېيىن سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ھەربىي مۇستەبىت ھاكىمىيەت قۇرۇپ، ئۆزى «روسىيە ئالىي ھۆكۈمرانى» ۋە قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان، ئانتانتا دۆلەتلەرنىڭ بىرىنچى قېتىملىق قوراللىق ئارىلىشىشىدىكى ئاساسىي كۈچ بولغان. بىر مەھەل سىبىرىيە، ئورال ۋە ۋولگا دەرياسى ئەتراپىنى ئىشغال قىلىپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان. 1919-يىلنىڭ ئاخىرىدا قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان، ئىككىنچى يىلنىڭ باشلىرىدا قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

كولوس

  • كولوس[يەشمىسى:]» گرېكچە Colossus نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، «گىگانت ھەيكەل» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدا مەخسۇس رودې ئارىلىدىكى ئاپوللۇننىڭ ھەيكىلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

كولوسسىئۇم تىياتىر مەيدانى

  • كولوسسىئۇم تىياتىر مەيدانى[يەشمىسى:]» يەنى «رىم گلادىئاتورلار مەيدانى».

كولوكوترونىس

  • كولوكوترونىس[يەشمىسى:]»(Theodoros Kolokotronis، 1770 — 1843) گرېتسىيە مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ سەردارى. پلوپوننېستا تۇغۇلغان. ياش چېغىدا تۈركلەرگە قارشى كۈرەشكە قاتناشقان. روسىيە بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ئىئونىيە ئارىلىدا قۇرغان گرېتسىيە قىسمىدا ئوفىتسېر بولغان. 1818-يىلى ھېتايرىيىگە قاتناشقان. 1821-يىلى 5-ئايدا، ۋولتېزدا گرېتسىيە قوراللىق قىسىملىرىغا قوماندانلىق قىلىپ، تۈركىيە قوشۇنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. 1822-يىلى مۇھەممەد پاشا دىراماش قوماندانلىقىدىكى تۈركىيە قوشۇنلىرىنىڭ پېلوپوننېسقا قىلغان تاجاۋۇزىنى تارمار قىلىپ، غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، پېلوپوننېس رايونىدىكى گرېتسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن دېموكراتلارغا مەنسۇپ بولسىمۇ، 1823 — 1825-يىللىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا پوزىتسىيىسى مۈجمەل بولغان ھەمدە مۇتەئەسسىپ پومېشچىكلار گۇرۇھى بىلەن ئالاقە قىلغان. 1825-يىلى 1-ئايدا نەزەربەند قىلىنغان. 5-ئايدا جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ قۇتۇلدۇرۇشى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن. شۇ يىلى، مىسىردىكى ئىبراھىم پاشا پېلوپوننېسقا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، يېڭىباشتىن باش قوماندانلىققا تەيىنلىنىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇۋاتقان مىسىر قوشۇنىغا زەربە بەرگەن. كېيىن، ھەرقايسى مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە، كاپودىستىرىيىنى قوللىغان. 1831-يىلى كاپودىستىرىيىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، رۇسپەرەسلەرنىڭ باشلىقى بولغان. 1834-يىلى 5-ئايدا، نائىب شاھ باۋارىس تەرىپىدىن ھۆكۈمەتكە قارشى سۇيىقەستلىك ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللاندى، دېگەن بەتنام بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئەمما ئىناۋىتىنىڭ يۇقىرىلىقى تۈپەيلىدىن ئۆلتۈرۈلمىگەن. 1835-يىلى پادىشاھ ئوتتو تەرىپىدىن كەچۈرۈم قىلىنىپ، دۆلەت ئىشلىرى كېڭەش ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن.

كولومبو

  • كولومبو[يەشمىسى:]»(Cristoforo Colombo،تەخمىنەن 1451 — 1506) ئىتالىيىلىك دېڭىزچى. گېنويەدە تۇغۇلغان. تەخمىنەن 1476-يىلى پورتۇگالىيىگە بېرىپ، لىسسابوندا ۋە مادېيرا ئارىلىدا بىرنەچچە يىل تۇرغان. دېڭىز ئارقىلىق ئەنگلىيىگە بارغان. يەرنىڭ دۈگىلەكلىكى تەلىماتىغا ئىشەنگەن، ياۋروپا قىتئەسىدىن ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىنى بويلاپ غەربكە قاراپ ماڭسا شەرققە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان ھەمدە دېڭىز ئارقىلىق مېڭىش پىلانىنى تۈزۈپ، پورتۇگالىيە كورۇلى جۇئاۋⅡ گە سۇنغان، بىراق، ئۇ قوبۇل قىلمىغان. 1485-يىلى ئىسپانىيىگە كۆچۈپ بارغان. كېيىن ئىسپانىيە كورۇلى فېردىناند ۋە كورۇلىۋا ئىسابېلنىڭ ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، 1492-يىل 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈچ كېمە بىلەن 87 دېڭىزچى (90 دېگەن گەپمۇ بار) نى باشلاپ، پالوس (Palos)پورتىدىن يولغا چىقىپ، ئاتلانتىك ئوكياننى توغرا كېسىپ، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا باھاما تاقىم ئاراللىرىغا يېتىپ بارغان، كېيىن يەنە كۇبا، ھايتى قاتارلىق ئاراللارغا بارغان. 1493-، 1498-، 1502 — 1504-يىللىرى يەنە ئۈچ قېتىم غەربكە سەپەر قىلىپ، كىچىك ئانتىلېس تاقىم ئاراللىرى، يامايكا ئارىلى، ترىنداد ئارىلى ۋە ئوتتۇرا جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى كارايىپ دېڭىز قىرغىقىغا بارغان. بۇ يەرنى ھىندىستان دەپ خاتا پەملىگەن، شۇڭا ئۇ يەردىكى ئاھالىنى ئىندىئانلار (ھىندىستانلىقلار دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغان، ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ تېپىلىشى ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرىگە شۇ زامان كۆپلەپ ئالتۇن ۋە باشقا بايلىق بەرمىگەن، شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭغا دېگەندەك ئەھمىيەت بەرمىگەن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كەمبەغەللىك، كېسەللىك ئىچىدە دەرد-ئەلەم بىلەن ئۆلگەن.

كولون

  • كولون[يەشمىسى:]»(Coloni) «كولۇنىستلىق تۈزۈمى» گە قاراڭ.

كولون ساھىلى ۋەقەسى

  • كولون ساھىلى ۋەقەسى[يەشمىسى:]» توڭگۇز قولتۇقى ۋەقەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكا ياللانما ئارمىيىسىنىڭ كۇباغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، يوقىتىلىش ۋەقەسى، 1961-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە، 1600 كىشىلىك ئامېرىكا ياللانما ئارمىيىسى گۋاتېمالادىن يولغا چىقىپ، كۇبانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى لاسۋېلىياسنىڭ جەنۇبىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئۇزۇن ساھىل ۋە كولون ساھىلىنى ئىگىلەپ، داۋاملىق ھالدا شىمالغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن. كۇبانىڭ ئارمىيە ۋە خەلقى دۈشمەننى كولون ساھىلىغا قوغلىۋەتكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ قۇرۇقلۇققا چىققۇچى كېمىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، چېكى-نىش يولىنى ئۈزۈۋەتكەن. 19-كۈنى ئامېرىكا ياللانما ئارمىيىسىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، ئامېرىكىنىڭ كۇباغا قوراللىق ئارىلىشىش غەرىزىنى تارمار قىلغان.

كولونىستلىق تۈزۈمى

  • كولونىستلىق تۈزۈمى[يەشمىسى:]»قەدىمكى رىمدىكى بىر خىل يەر ئېكسپىلاتاتسىيىسى ۋە جىسمانىي بېقىندىلىق تۈزۈمى. لاتىنچە Coloni بولۇپ، «بېقىندى دېھقان قۇل» دېگەن مەنىدە. دەسلەپكى چاغلاردا رىم قۇللۇق جەمئىيىتىدىكى كىچىك بىر پارچە يەرگە ئىگە، ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلار ياكى مۇستەملىكىگە كۆچۈرۈلۈپ كېتىلگەن ئاھالىلەرنى كۆرسەتكەن. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ۋەيران بولغان (بەزىلىرى لۈكچەك پرولېتارلارغا ئايلىنىپ كەتكەن). رىم ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدە (مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرىدىن مىلادى 476-يىلىغىچە) چوڭ يەر ئىگىلىرىگە بېقىنىپ ئىشلەيدىغان ئىجارىكەش دېھقانلارنى كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى: بىر قىسمى قۇللۇق تۈزۈم زاۋاللىققا يۈز تۇتقان مەزگىلدە قۇلدارلار چوڭ ئېكىنزار قورۇقلىرىنى كىچىك پارچىلارغا بۆلۈپ، بۇنى قۇللارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىشىغا ئىجارىگە بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن؛ يەنە بىر قىسمى سۇنغان، ئۆزى تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلار ۋە چەتتىن كەلگەن «ياۋايى مىللەت» ئىجارىكەشلىرى ياكى چوڭ ئېكىنزار ئىگىلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا تىرىكچىلىك قىلىدىغانلاردىن بارلىققا كەلگەن. كولونىستلارنىڭ ئادەتتە ئۆز ئائىلىسى ۋە ئازغىنە ئىگىلىكى (قورال-سايمان، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى) بولغان؛ لېكىن چوڭ پومېشچىكلارغا باج-سېلىق (پۇل ياكى ئەمەلىي نەرسە-كېرەكلەر) تاپشۇرۇپ تۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ ھاشارچىلىقىنى قىلغان. بېقىندى دېھقانلار يەرگە مۇقىملاشتۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ، ۋاقتى كەلگەندە يەر بىلەن بىللە سېتىشقا بولغان. رىم ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدە بېقىندى كولونىستلار تۈزۈمى قۇللۇق جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى فېئوداللىق ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كولونىستلار قۇلدىن پەرقلىنىدۇ. لېكىن ئوتتۇرا ئەسىردىكى يانچىلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار «ئوتتۇرا ئەسىردىكى يانچىلارنىڭ ئەجدادى» (ئېنگېلس). 

كولۇمبو پىلانى

  • كولۇمبو پىلانى[يەشمىسى:]» تولۇق ئاتىلىشى «جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات كولۇمبو پىلانى». 1950-يىل 1-ئاينىڭ 9 — 14-كۈنلىرى ئەنگلىيە سەيلون(ھازىرقى سىرىلانكا) نىڭ پايتەختى كولۇمبودا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنى چاقىرىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنى ھەمكارلىشىپ، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىنى «تەرەققىي قىلدۇرۇش» قا چاقىرغان. يىغىندا، بىر تەرەققىيات پىلانى تۈزۈش قارار قىلىنغان ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەردىن مەسلىھەت بېرىش ھەيئىتى تەشكىل قىلىنغان. شۇ يىلى 9-ئايدا، مەسلىھەت بېرىش ھەيئىتى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تۈزگەن كونكرېت تەرەققىيات پىلانى ( يەنى« كولۇمبو پىلانى») نى ئېلان قىلغان. كېيىنكى يىلى 7-ئايدا بۇ پىلان ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ھەمدە كولۇمبو پىلانى تەشكىلاتى قۇرۇلغان. ئۇنىڭدا، مەسلىھەت بېرىش ھەيئىتى، تېخنىكا ھەمكارلىق مۇدىرىيىتى ۋە دائىمىي ئىدارە قاتارلىق ئاپپاراتلار تەسىس قىلىنغان. باش شتابى كولۇمبودا بولغان. ئەزا دۆلەتلەردىن: ئافغانىستان، بېنگال، بوتان، پاپۇئا يېڭى گۋېنېيىسى، بىرما، فىجى، ھىندىستان، ھىندۇنېزىيە، مالايشيا، مالدېۋى، نېپال، پاكىستان، فېلىپپىن، سىنگاپور، سەيلون ۋە تايلاند قاتارلىقلار «ياردەم ئالغۇچى دۆلەتلەر» بولغان؛ ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىقلار «ياردەم بەرگۈچى دۆلەتلەر» بولغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ياردەم ئالغۇچى دۆلەتلەر» ئارىسىدىمۇ ئۆزئارا ياردەم يولغا قويۇلغان. «ياردەم» پۈتۈنلەي ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق كېلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق بولغاچقا، كولۇمبو پىلانى ئەمەلىيەتتە دۆلەتلەر ئايرىمىسى پىلانى، ئىككى تەرەپ ياردەملىشىدىغان ۋە كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتتىن تەشكىل تاپقان ئارىلاشما گەۋدىدىنلا ئىبارەت. ئەسلىدىكى مۇددىتى 1957-يىلى 6-ئاي قىلىپ بەلگىلەنگەن. كېيىن، مۇددىتى كۆپ قېتىم كەينىگە سۈرۈلگەن. 1974-يىلى 12-ئايدىكى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن 24-قېتىملىق مەسلىھەت بېرىش ھەيئىتى يىغىنىدا، مۇددەتنى يەنە 1981-يىلغا ئۇزارتىش قارار قىلىنغان.

كولومبىللا

  • كولومبىللا[يەشمىسى:]» (Lucius Junius Moderatus Columella مىلادى Ⅰ ئەسىر) قەدىمكى رىم ئاگرانومى. ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىدىكى كادىستا تۇغۇلغان. ھەرقايسى جايلارنى ساياھەت قىلىپ، ئىتالىيىدە خېلى ئۇزاق تۇرغان. ئۇنىڭ 12 جىلدلىق «يېزا ئىگىلىك تەزكىرىسى» دېگەن ئەسىرى دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە چارۋىچىلىق قاتارلىق تۈرلۈك كەسىپلەردىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىشلىرىنى تەجرىبە بىلەن تەمىن ئەتكەن. ئۇنىڭدا، ئىتالىيىنىڭ قالاق يېزا ئىگىلىكىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، تۈجۈپىلەپ تېرىقچىلىق قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان؛ قورۇق ئىگىلىرىنى: «يەرنى ناچار قۇلغا تېرىشقا بېرىش، گۇناھسىزنى جاللاتقا تاپشۇرغان بىلەن باراۋەر» (1-جىلد) دەپ ئاگاھلاندۇرغان. بۇ كىتاب رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى ئىتالىيىنىڭ قۇللۇق تۈزۈم ئىقتىسادىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كوللۋىتىر

  • كوللۋىتىر[يەشمىسى:]»(Kathe Kollwitz، 1867 — 1945) گېرمانىيىنىڭ ئايال ئويما رەسسامى. شەرقىي پرۇسسىيىنىڭ گېنسىبۇرگ (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى كالىنىنگراد) دا تۇغۇلغان. يۇرتى ۋە بېرلىن، ميۇنخېندا مىس ئويما، رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. 1891-يىلى نامراتلار رايونىدىكى دوختۇر كارل كوللۋىتز بىلەن توي قىلغان. پۈتۈن كۈچى بىلەن ئويما رەسسام ۋە ھەيكەلتىراشلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ياراتقان ئەسەرلىرى ئاساسىي جەھەتتىن جەمئىيەتتىكى نامراتلىق، كۈرەش ۋە ئانا مېھرىنى تەسۋىرلەشنى مەزمۇن قىلغان. 1918-يىلى پروفېسسور ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ پرۇسسىيە سەنئەت جەمئىيىتىگە كىرگەن. ياغاچ ئويما، تاش ئويمىچىلىقى ۋە ياغاچ ئويما چاتما رەسىملەر ئارقىلىق پائال تۈردە پرولېتارىيات كۈرىشىگە ئاتلانغان. 1927-يىلى تەكلىپ بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولغان. 1933-يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن دەھشەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، كېيىن ئۇ نورخاۋسىندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. مىرزبۇرگتا ۋاپات بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «دېھقانلار ئۇرۇشى»، «توقۇمىچى» ۋە «ئۇرۇش» قاتارلىقلار بار. لۇشۈن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى جۇڭ-گوغا تونۇشتۇرغان، جۇڭگو ياغاچ ئويمىچىلىقىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.

كولىدگې

  • كولىدگې[يەشمىسى:]»(John Calvin Coolidge، 1872 — 1933) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1923 — 1929). جۇم-ھۇرىيەت- چىلەر پارتىيىسىدىن. 1895-يىلى ئامخست داشۆسىنى پۈتتۈرۈپ، ئادۋوكات ۋە سودىيە بولغان. 1910 — 1920-يىللىرى شىمالىي ئامىپتون شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولغان. 1912 — 1915-يىللىرى ماسساچۇسېت شتاتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە پالاتا باشلىقى بولغان. 1916 — 1918-يىللىرى ماسساچۇسېت شتاتىنىڭ مۇئاۋىن شتات باشلىقى بولغان. 1919 — 1920-يىللىرى شتات باشلىقى بولۇپ، بوستوندىكى خىزمەت تاشلىغان ساقچىلارنى باستۇرغانلىقى بىلەن نام قازانغان. 1920-يىلى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1923-يىلى زۇڭتۇڭ خاردىڭ تاساددىپى قازا تاپقاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ بولغان. ئىككىنچى يىلى يەنە زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىللىرى خۇسۇسىي مۈلۈككە «دەخلى-تەرۇز» يەتكۈزۈشكە قارشى چىقىپ، مكنارى-خوگېن (HaugenMc Nary) دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىجتىمائىي ياردەم بېرىش لايىھىسىنى ئىككى قېتىم رەت قىلغان؛ سىرتقا قارىتا «يېڭى ئىزولىياتسونىزم» نى يۈرگۈزۈپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي كېلىشىم تۈزۈشنى، دۆلەتلەر ئىتتىپاقىغا قاتنىشىش ۋە خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىغان، لېكىن چوڭ كارخانىلارنى سىرتقا پۇل قەرز بېرىش ھەم سەرمايە سېلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. «داۋېس پىلانى» دىن پايدىلىنىپ ئامېرىكا تەسىرىنىڭ ياۋروپاغا سىڭىپ كىرىشىنى كۈچەيتكەن.

كولىكوۋ جېڭى

  • كولىكوۋ جېڭى[يەشمىسى:]» 1380-يىلى 9-ئايدا روسىيىنىڭ مىتروپولىيە — موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موسكۋا كىنەزلىكى كۈنسېرى كۈچەيگەن، قىپچاق خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى فېئوداللىق بۆلۈنۈش كۈنسېرى جىددىيلەشكەن، رۇس خەلقى موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولۇشنى جىددىي تەلەپ قىلغان. شۇ چاغدىكى موڭغۇل ھۆكۈمرانى مامايخان ئىچكى ماجىرانى ۋاقتىنچە تىنچىتىپ، ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ، 1380-يىلى قوشۇن تەشكىللەپ موسكۋا كىنەزلىكىنى بىر يولىلا يوقاتماقچى بولغان. موسكۋا كىنەزى دىمىترىي ئىۋانوۋىچ دونىسكوي 100 مىڭ كىشىلىكتىن 150 مىڭ كىشىلىككىچە بولغان قوشۇن تەشكىللەپ قايتۇرما زەربە بەرگەن. 1380-يىل 9-ئاينىڭ 8-كۈنى نېپىرا يادۋا دەرياسى بىلەن دون دەرياسى قوشۇلىدىغان جاي كولىكوۋ (Куликов) دالاسىدا موڭغۇل قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلغان. جەڭنىڭ دەسلىپىدە روسىيە قوشۇنى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، لېكىن جىددىي پەيتتە مۆكتۈرۈپ قويۇلغان روسىيە قوشۇنلىرى جەڭگە كىرىپ، موڭغۇل قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ قېتىمقى جەڭ قىپچاق خانلىقىغا ناھايىتى قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۇنىڭ شەرقىي شىمالىي روسىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تەۋرەتكەن.

كولىگنىي

  • كولىگنىي[يەشمىسى:]» (Caspard De Coligny، 1519 — 1572) فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسى سەردارى، خۇگۇئېنوت مەزھىپىنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى. دەسلەپتە (1494 — 1559) ئىتالىيە ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ئاۋۋال پىيادە ئەسكەرلەر كوماندىرى بولغان؛ 1552-يىلى دېڭىز ئارمىيە سەردارلىقىغا ئۆسكەن. 1557-يىلى ئەسىرگە چۈشكەن. قويۇپ بېرىلىپ ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، خۇگۇئېنوت مەزھىپىگە قاتناشقان. برازىلىيە ۋە فىلورىدا رايونلىرىدا مۇستەملىكە بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن. 1569-يىلى خۇگۇئېنوت مەزھىپىدىكىلەرنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى بولغان. 1571-يىلى فرانسىيە پادىشاھى چارلېس Ⅸ(CharlesⅨ 1560 — 1574-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ يېقىن ۋەزىرى بولغان. ئىچكى جەھەتتە ئىستىبداتلىق تۈزۈمنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، يەرلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويغان؛ سىرتقا قارىتا ئەنگلىيە ۋە تۈركىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىسپانىيىگە قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، خانىكەكاتېرىنا مېدىچ بىلەن كاتولىك دىنىي گۇرۇھىنىڭ سەركەردىسى ھېنرىي گېئۇسنىڭ دۈشمەنلىشىشىگە سەۋەبچى بولغان. سانت باتورومىئۇ پاجىئەسىدە ئۆلگەن.

كومپتون

  • كومپتون[يەشمىسى:]»(Arthur Holly Compton، 1892 — 1962). ئامېرىكىلىق فىزىكا ئالىمى. 1916-يىلى پۇلىنستون داشۆسىدە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئالغان. 1922 — 1923-يىللاردا «كومپتون تەسىرى» نى كەشپ قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، «ۋىلسون تۇمانى» نى ئىختىرا قىلغان ۋىلسون (Charles Thomson Rees Wilson، 1869 — 1959) بىلەن بىرلىكتە، 1927-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1923 — 1945-يىللاردا چىكاگو داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، بۇ جەرياندا ئاتوم بومبىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە ياساشقا ياردەملەشكەن. بۇنىڭدىن باشقا، فوتون، نۇر ۋە ئالەم نۇرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقاتتىمۇ تۆھپىسى بار.

كومپىئېگنې ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى

  • كومپىئېگنې ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى[يەشمىسى:]»(1) 1918-يىل 11-ئاينىڭ 11-كۈنى گېرمانىيە كومپىئېگنې (Compiegne، پارىژنىڭ شىمالىدا) ئورمانلىقىدا ئانتانتا دۆلەتلەر بىلەن ئىمزالىغان تەسلىم بولۇش كېلىشىمى. شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان. كېلىشىم ماددىلىرىنىڭ تولىسىنى فرانسىيە مارشالى فوچ ئېغىزچە ئېيتىپ بەرگەن. كېلىشىمدە گېرمانىيىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىشى؛ گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ غەربىي سەپتە ئىشغال قىلىۋالغان يەرلەردىن دەرھال چېكىنىپ چىقىشى ھەمدە قىسمەن قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيە قوراللىرىنى تاپشۇرۇشى؛ گېرمانىيىنىڭ رېين دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىن چېكىنىپ چىقىشى ھەمدە ئوڭ قىرغىقىدا ھەربىي ئىشلاردىن خالىي رايون قۇرۇشى بەلگىلەنگەن. بۇ كېلىشىم كېيىن، «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى» نىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان. (2) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرانسىيە ۋىشى ھۆكۈمىتىنىڭ 1940-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى فاشىستلار گېرمانىيىسى بىلەن كومپىئېگنېدا ئىمزالىغان تەسلىم بولۇش كېلىشىمى. كېلىشىمدە فرانسىيىنىڭ بارلىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشى، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىسىنى تارقىتىۋېتىشى («تەرتىپ ساقلاش ئېھتىياجلىق بولغان» قىسىملاردىن باشقا)؛ گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ فرانسىيىنىڭ پارىژنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچتىن ئىككى قىسىم زېمىنىنى ئىشغال قىلغانلىقىغا قوشۇلۇشى ھەمدە ئىشغال قىلىنغان رايونلارنى ساقلاش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋەھاكازالار بەلگىلەنگەن. بۇ كېلىشىم فرانسىيىنى فاشىستلار گېرمانىيىسىنىڭ قورچاق دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان، 1944-يىلى فرانسىيە قايتۇ-رۇۋېلىنغاندىن كېيىن كۈچتىن قالغان.

كومىتې

  • كومىتې[يەشمىسى:]» (Auguste Comte، 1798 — 1857) فرانسىيىلىك پەيلاسوپ. پوزىتىۋىزم ۋە سوتسىئولوگىيىگە ئاساس سالغۇچى. مونىپېلىيېدىكى بىر باجگىر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىك ۋاقتىدا پارىژ ئۇنىۋېرسال تېخنىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان، ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي پارىژدىكى تۆۋەن قاتلام جەمئىيىتىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ ئۆزلۈكىدىن پەلسەپە، تارىخ ۋە تەبىئىي پەنلەرنى ئۆگەنگەن. 1818-يىلى، 1824-يىللىرى سېن-سىمونچىلارنىڭ ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1826-يىلى پوزىتۋىزم پەلسەپىسىدىن خۇسۇسىي لېكسىيە سۆزلەشكە ھەمدە ئەسەر يېزىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ مۇددىئاسى جەمئىيەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ھەرقايسى مىللەتلەر ۋە شەخسلەر ئىناق ئۆتىدىغان جەمئىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇ ئىنسانىيەت بىلىمىنىڭ تەرەققىياتى ئىلاھىيەت باسقۇچى، مېتافىزىكا باسقۇچى ۋە پوزىتۋىزم باسقۇچىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ دەپ قارىغان. مۇتلەق تونۇشنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئىسپاتلانغان نىسپىي تونۇش ئادەمگە يېتىپ ئاشىدۇ دەپ ھېسابلىغان. ئۇ ھەرقايسى تەستىقلاش ئىلمىنى تۈرلەرگە ئايرىپ، تۇنجى قېتىم «سوتسىئولوگىيە) (Sociologie) دېگەن تېرمىننى قوللىنىپ، يەنە سوتسىئولوگىيىنى ئىككى قىسىمغا، يەنى جەمئىيەتنىڭ ماھىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىجتىمائىي تۇرغۇنلۇق مېخانىكىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىجتىمائىي دىنامىكىغا ئايرىغان، ھەرقايسى دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ شەخسىي ھاياتىنى تېخىمۇ ياخشىلىۋېلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ «پوزىتۋىزم پەلسەپىسىدىن دەرسلىك» ۋە «پوزىتۋىزمنىڭ سىياسىي سىستېمىسى» دېگەن مۇھىم ئەسەرلىرى بار. 

كوممودۇس

  • كوممودۇس[يەشمىسى:]»(Lucius Aurelius Commodus، 161 — 192). قەدىمكى رىم پادىشاھى ( 180 — 192). ماركۇس ئانتونىنۇسنىڭ ئوغلى. لانۇۋىئۇم (Lanuvium، رىم شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا) دا تۇغۇلغان. مىجەزى قوپال ۋە زالىم بولۇپ، سىرتقا قارىتا كودلار ۋە ماكمانىلار (شىمالىي گېرمان مىللىتىگە كىرىدۇ) بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى تاشلاپ قويۇپ، چېگرا ئەنسىز ھالەتتە قالغان. ئىچكى ئىشلاردا ئەتىۋارلىق ۋەزىرلەر ھۆكۈم سۈرۈپ، ئەيمەنمەي زورلۇق-زومبۇلۇق قىلغان. 183-يىلى سىڭلىسى لوسىللا (Lucilla) ئۇيۇشتۇرغان سۇيىقەستچىلەر گۇرۇھىنى باستۇرغاندىن كېيىن، تېخىمۇ مۇستەبىتلەشكەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا پۇقرالارغا ئۆزىگە خۇددى ئىلاھ گېراكىلغا چوقۇنغاندەك چوقۇنۇشنى بۇيرۇغان. دائىم سېرك مەيدانىغا كىرىپ تاماشا قىلىپ كۆڭۈل ئاچقان، ئاخىرى بىر گلادىئاتور تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە، ئوردىدا ئۆلتۈرۈل-گەن). ئانتونىئۇس سۇلالىسى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان.

كوممۇنىس

  • كوممۇنىس[يەشمىسى:]» (John Rogers Commons، 1862 — 1944)، ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس،تۈزۈم ئىلمىي ئېقىمىنىڭ ئاساسىي ۋەكىللىرىدىن بىرى. ۋىسكونسىن داشۆسى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئۇ زامانىۋى ئىجتىمائىي ئىقتىسادنى تۈزگۈچى مۇھىم ئامىل شەخسلەرنىڭ ھەرىكىتى ئەمەس، بەلكى گۇرۇھ ھەرىكىتىدىن ئىبارەت، دەپ قارىغان. شۇڭا، «گۇرۇھ دېموكراتىيىسى» نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى، يەنى جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى گۇرۇھلار كېڭىشىپ، مۇۋاپىق باھا بېكىتىپ، «مۇۋاپىق» كاپىتالىزمنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، شۇ ئارقىلىق كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى «كاپىتالىزمنىڭ قانۇن ئاساسى»، «تۈزۈم ئىقتىسادشۇناسلىقى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇ يەنە ئون توملۇق «ئامېرىكا سانائەت جەمئىيىتىنىڭ ھۈججەتلىك تارىخى» ۋە تۆت توملۇق «ئامېرىكا ئىشچىلىرىنىڭ تارىخى» نى تۈزگۈچىلەرنىڭ بىرى.

كوممۇنا

  • كوممۇنا[يەشمىسى:]» لاتىنچە Commune. مۇئەييەن شەكىلدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلغان ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى كىشىلەرنىڭ ئورتاق گەۋدىسى. ھەرخىل ئىجتىمائىي فورماتسىيىلەردە مەۋجۇت بولغانىدى، لېكىن خاراكتېرى، ئورنى ھەرقايسىسىدا ئوخشاش ئەمەس ئىدى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى دەسلەپكى ئۇرۇقداشلىق كوممۇنا، ئۇرۇقداشلىق كوممۇنا قاتارلىقلار بولسا ھەم ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدە، ھەم بەلگىلىك ئىجتىمائىي تەرەققىيات باسقۇچىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. قۇللۇق جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا بەزى رايونلاردىكى شەھەر كوممۇنالىرى بىر خىل مۇستەقىل مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى شەكلىگە ياكى شەھەر دۆلىتى تەشكىلىي شەكلىگە مەنسۇپ بولغان. لېكىن كېيىنكى تارىخ تەرەققىياتىدا، مۇئەييەن ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ بېقىندىسى بولغان كوممۇنىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي يېتەكچىلىك ئورۇندا تۇرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى ۋە سىياسىي تۈزۈمگە باغلىق بولغان. مەسىلەن: ئۇزۇندىن بېرى قۇللۇق جەمئىيەت، فېئوداللىق جەمئىيەت، كاپىتالىستىك جەمئىيەتتە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان يېزا كوممۇنالىرى ئەنە شۇنداقتۇر. جۇڭگودىكى خەلق كوممۇنىسى، كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تەشكىلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى ئاممىۋى، ئاپتونومىيىلىك ياكى باراۋەرلىك تۈسىنى ئالغان ئاپتونومىيە ئورگانلىرى، دىنىي تەشكىلاتلار، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ بەزى مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىلغان بىرلىكلىرىمۇ كوممۇنا دېيىلگەن. مەسىلەن: دەسلەپكى خرىستىئان كوممۇنىسى، ⅩⅧ ئەسىردە فرانسىيىدىكى بەزى شەھەرلەرنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى، فرانسىيە، ئىتالىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام مەمۇرىي رايونلىرى قاتارلىقلار. 1871-يىلى فرانسىيىدىكى پارىژ پرولېتارىياتى قۇرغان ئىنقىلابىي ھاكىمىيەتكە پارىژ كوممۇنىسى دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكى تۈزۈمى ۋە پرولېتارىيات دېموكراتىيىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى ئەڭ ئالىي پرىنسىپ ۋە غايە قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

كوممۇنا ئەزالىرى تېمى

  • كوممۇنا ئەزالىرى تېمى[يەشمىسى:]» فرانسىيە پارىژدىكى پوپ لاشېز قەبرىستانلىقىدىكى بىر تام بولۇپ، پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم جەڭچىلىرى مۇشۇ يەردە قۇربان بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1871-يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى تەخمىنەن 200 نەپەر كوممۇنا جەڭچىسى5000 نەپەر ۋېرسال ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن پوپ لاشېز قەبرىستانلىقىدا قانلىق جەڭ قىلغان. جەڭ چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە باشلىنىپ، كوممۇنا جەڭچىلىرى ھەربىر قەبرىنى ئۆزلىرىگە دالدا قىلىپ، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا قەيسەرلىك بىلەن زەربە بەرگەن. چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىدە، ۋېرسال ھۆكۈمەت ئارمىيىسى زەمبىرەك بىلەن قەبرىستانلىقنىڭ دەرۋازىسىنى پارتلىتىپ ئاچقان، ئىككى تەرەپ قەبرىستانلىقنىڭ ئىچىدە قۇچاقلاشما جەڭ قىلىشقان. كوممۇنانىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم جەڭچىلىرى قەبرىستانلىقنىڭ شەرقىي شىمالىي بۇرجىكىدىكى بىر تامنىڭ قېشىغا چېكىنىپ، ھەممىسى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. كېيىنكىلەر ئۇنى «كوممۇنا ئەزالىرى تېمى» دەپ ئاتىغان. 1880-يىلدىن كېيىن ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرقى بىر ھەپتىسى كۆپلىگەن ئەمگەكچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ تەزىيە بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

كوممۇنىزم

  • كوممۇنىزم[يەشمىسى:]»پرولېتارىياتنىڭ بىر پۈتۈن ئىدىيىۋى سىستېمىسى («ماركسىزم-لېنىنىزم»غا قارالسۇن)، بىر خىل يېڭى ئىجتىمائىي تۈزۈم ھەمدە بۇ تۈزۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى رېئال ھەرىكەت. ئىجتىمائىي تۈزۈم سۈپىتىدە، ئىقتىساد، سىياسىي ۋە ئەخلاق قاتارلىق جەھەتلەردە يېتىلىش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن، ئىككى باسقۇچقا يەنى تۆۋەن باسقۇچتىكى سوتسىيالىزم جەمئىيىتى ۋە يۇقىرى باسقۇچتىكى كوممۇنىزم جەمئىيىتىگە بۆلۈنىدۇ. سوتسىيالىزم جەمئىيىتى كوممۇنىزم جەمئىيىتىنىڭ زۆرۈر تەييارلىقى، كوممۇنىزم جەمئىيىتى بولسا سوتسىيالىزم جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. «كوممۇنىزم جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدا، شەخسلەر ئىش تەقسىماتىغا قۇللارچە بويسۇنۇشقا مەجبۇر قىلىنغان ئەھۋال يوقىلىپ، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىسمانىي ئەمگەك ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ قارشىلىقمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يوقالغاندىن كېيىن ئەمگەك تىرىكچىلىك ۋاسىتىسىلا بولۇپ قالماي، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزى تۇرمۇشىنىڭ بىرىنچى ئېھتىياجى بولغاندىن كېيىن شەخسلەرنىڭ ئەتراپلىق ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىمۇ ئۆسۈپ، كوللېكتىپ بايلىقنىڭ بارلىق مەنبەسى تولۇق راۋان بولغاندىن كېيىن، پەقەت مۇشۇ چاغدىلا، ئاندىن بۇرژۇئا ھوقۇقچىلىقىنىڭ تار نەزەر دائىرىسىدىن تامامەن ھالقىپ چىققىلى بولىدۇ، جەمئىيەت ئاندىن ئۆز بايرىقىغا مۇنداق دەپ يېزىپ قويالايدۇ: ھەر كىم قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەش، ھەر كىمگە ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىش!» (ماركس: «گوتا پروگراممىسىغا تەنقىد»، ئۇيغۇرچە نەشرى، 24-بەت) كوممۇنىزم جەمئىيىتى — ئىنسانلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ ئىلغار، ئەڭ ئەقىلغا مۇۋاپىق جەمئىيىتى. كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش — خەلقئارا پرولېتارىيات ۋە كەڭ ئەمگەكچى خەلق قىزغىن ئىنتىلىۋاتقان يۈكسەك غايە، پرولېتارىيات پارتىيىسىنىڭ باتۇرانە كۈرەش قىلىشىدىكى ئەڭ ئاخىرقى نىشان.

كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى

  • كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]» خەلقئارا پرولېتارىياتنىڭ ئىلمىي سوتسىيالىزم ئاساسىدا قۇرۇلغان تۇنجى مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتى. 1847-يىلى 6-ئايدا لوندوندا ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن. ئاساسلىق رەھبىرى ماركس، ئېنگېلس. ئۇلار ئىتتىپاق ئۈچۈن پروگرامما يەنى 1848-يىلى 2-ئايدا ئېلان قىلىنغان «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» نى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ مەقسىتى بۇرژۇئازىيىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، پرولېتارىياتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىپ، سىنىپىي قارىمۇ قارشىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇرژۇئا جەمئىيىتىنى يوقىتىپ، سىنىپ ۋە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك بولمىغان يېڭى جەمئىيەتنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت، ئۇ «پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى بىرلىشىڭلار» دېگەننى ئورتاق جەڭگىۋار شوئار قىلىپ بېكىتكەن. ئىتتىپاق ئەزالىرى 1848 — 1849-يىللىرىدىكى ياۋروپا ئىنقىلابىغا پائال قاتناشقان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىتتىپاق تەشكىلاتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، 1849 — 1850-يىللىرى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، پائالىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1850-يىلى يازدا، ئىتتىپاقنىڭ مەركىزىي كومىتېتىدا ۋىللىخ-شاپپېر مەزھەپچىلىك گۇرۇھى شەكىللىنىپ، ئىتتىپاقنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1851-يىلى 5-ئايدا پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى بىلەن، ئەمەلىيەتتە، پائالىيەتنى توختاتقان. 1852-يىلى 11-ئايدا، كيۇلىندىكى سوتلاش ئەنزىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئىتتىپاق ئىلمىي سوتسىيالىزمنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىنقىلابىي ئىشچىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە تەربىيىلەپ، پرولېتارىياتنىڭ كېيىنكى ئىنقىلابىي ھەرىكىتى ئۈچۈن تايانچىلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن. ئۇ — پرولېتارىيات ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى تىپى ھېسابلىنىدۇ.

كوممۇنىزملىق ئالاقىلىشىش كومىتېتى

  • كوممۇنىزملىق ئالاقىلىشىش كومىتېتى[يەشمىسى:]»ماركس، ئېنگېلس 1846-يىلنىڭ بېشىدا بېلگىيىنىڭ بريۇسسېل شەھىرىدە قۇرغان كوممۇنىزملىق تەشكىلات. كوممۇنىزملىق كىچىك گۇرۇپپىلار ئاساسىدا كېڭىيىپ بارلىققا كەلگەن. ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى گېرمانىيىلىك سوتسىيالىزمچىلار ۋە ئىنقىلابچىلار. ماركس، ئېنگېلس ۋە فىلىپ گىگوت (Philippe Gigot، 0681 - 0281) دائىمىي ئىشلار كومىتېتىغا سايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارىژ، ھامبۇرگ، لېيپسىگ قاتارلىق جايلاردا ياچېيكىلىرى قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلات يازما مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ۋە قەرەللىك ئالاقىلىشىپ تۇرۇش ئارقىلىق، ئىلمىي كوممۇنىزم ئىدىيىسىنى تارقىتىپ، بۇرژۇئازىيە ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنىڭ ھەرخىل سوتسىيالىستىك ئېقىملىرىنى تەنقىد قىلىپ، ھەرقايسى ئەللەر سوتسىيالىزمچىلىرى ۋە ئىشچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ياۋروپا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىدا زور رول ئوينىغان. 1847-يىلى كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ كومىتېت پائالىيىتىنى توختاتقان.

كوممۇنىستىك پارتىيە

  • كوممۇنىستىك پارتىيە[يەشمىسى:]»ماركسىزم-لېنىنىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتى بويىچە قۇرۇلغان پرولېتارىيات پارتىيىسى. پرولېتارىياتنىڭ ئاۋانگارد قوشۇنى، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ئىشلىرىنىڭ رەھبىرىي كۈچى. پرولېتارىيات ئىلغارلىرىدىن تەركىب تاپقان، ماركسىزم-لېنىنىزملىق نەزەرىيىنى ئۆزىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى قىلىپ، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش پرىنسىپىغا ئاساسەن تەشكىللەنگەن ۋە قاتتىق تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئىگە. ئۇ پرولېتارىيات ۋە كەڭ ئەمگەكچى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىپ، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىزم قۇرۇش ۋە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. كوممۇنىستىك پارتىيە دېگەن بۇ نام ئەڭ ئاۋۋال 1848-يىلى نەشىر قىلىنغان ماركس، ئېنگېلسنىڭ «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» دا قوللىنىلغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا قۇرۇلغان بىرمۇنچە ئىشچىلار پارتىيىلىرى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى دەپ ئاتالغان، بۇ پارتىيىلەر كېيىن ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئاغمىچىلىق پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرى بىلەن، كۆپىنچىسى بۇرژۇئا ئىسلاھاتچى پارتىيىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن. روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) لېنىننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، 1918-يىلدىكى يەتتىنچى قۇرۇلتايدىن باشلاپ، نامىنى رەسمىي ھالدا روسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) گە ئۆزگەرتكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، ھەرقايسى ئەللەردە قۇرۇلغان پرولېتارىيات پارتىيىلىرىدىن ئىشچىلار پارتىيىسى، ئەمگەك پارتىيىسى، كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى دەپ ئاتالغان ئاز بىر قىسمىدىن باشقا، قالغان كۆپىنچىسى كوممۇنىستىك پارتىيە دەپ ئاتالغان. 

كوممۇنىستىك شەنبىلىك خالىسانە ئەمگەك

  • كوممۇنىستىك شەنبىلىك خالىسانە ئەمگەك[يەشمىسى:]»سوۋېت ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئىشچىلار ئاممىسىنىڭ خالىسانە ئەمگەك قىلىش ھەرىكىتى. 1919-يىلى 4-ئاينىڭ ئىككىنچى شەنبە كۈنى (12-كۈنى) موسكۋا-قازان تۆمۈريولى گۇرۇپپىلارغا ئايرىش پونكىتى پاراۋوز ئىسكىلاتىدىكى 15 نەپەر كومپارتىيە ئەزاسى ۋە ئامما ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئالتە سائەت ھەقسىز ئەمگەك قىلغان. شۆبە ئىدارە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى قارار چىقىرىپ، بۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان. 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىدارە بويىچە تۇنجى قېتىم شەنبىلىك خالىسانە ئەمگەك قىلغان 205 نەپەر ئىشچى ئالتە سائەت ئىشلىگەن. تۆمۈريول ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق روھى تېزلىك بىلەن ھەرقايسى ساھە ۋە ھەرقايسى كەسىپلەرگىچە كېڭەيگەن. 1920-يىلى 5-ئايدا تەرەققىي قىلىپ «پۈتۈن روسىيە شەنبىلىك خالىسانە ئەمگەك» ھەرىكىتىگە ئايلانغان. ئۇ كوممۇنىستىك ئەمگەك پوزىتسىيىسىنى نامايان قىلىپ، سوتسىيالىستىك مۇسابىقىگە ئاساس سالغان. لېنىن ئۇنى «ئۇلۇغ باشلىنىش» دەپ ئاتىغان. 

كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال

  • كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال[يەشمىسى:]» يەنى «ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال». 

كومنېن خاندانلىقى

  • كومنېن خاندانلىقى[يەشمىسى:]»ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى خاندانلىقى (9501 - 7501، 5811 - 1801). كومنېن (Comnenus) جەمەتى تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقتىن، شۇ نام بىلەن ئاتالغان. خاندانلىقنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكى يەرلىك ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر ئىدى. ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە، ئىچكى قىسىمغا قارىتا فېئوداللىق تۈزۈمنى مۇستەھكەملەپ، خەلق قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرۇپ، باج-سېلىقنى كۆپەيتىپ، ئىتالىيە سودىگەرلىرىگە سودا ئىمتىيازىنى بەرگەن. سىرتقا قارىتا ۋىزانتىيىنىڭ ئىتالىيىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، نەتىجە چىقىرالمىغان؛ كىچىك ئاسىيادا سالجۇق تۈركلىرى ئىگىلىۋالغان بىر قىسىم زېمىنىنى قايتۇرۇۋالغان. كومنېن خاندانلىقىدا ئۆتكەن ئىمپېراتورلار ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان يىللىرى مۇنداق: ئىساق Ⅰ (IsaacⅠ، 9501 - 7501)، ئالېكسىيⅠ (Alexius Ⅰ، 8111 - 1801)، جون Ⅱ (3411 - 8111)، مانۇئېلⅠ (1143 - 1180)، ئالېكسىي Ⅱ(Alexius Ⅱ،1180 - 1183)، ئاندىرونىكا Ⅰ (5811 - 3811). 

كومې

  • كومې[يەشمىسى:]»(Cumae) ئىتالىيىنىڭ قەدىمكى شەھىرى. كامپانىيە دېڭىز بويىغا جايلاشقان، قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ كالىسىس (ئېئۇبىيە ئارىلىدا) شەھىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان يۇنانلىقلارنىڭ ئىتالىيە يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ دەسلەپكى كولونىيە شەھىرى. ئادەتتە كىچىك ئاسىيادىكى ئىئولىسلارنىڭ گرېك شەھىرى كومېمو شۇ يەردە كولونىيە قۇرغان دەپ قارىلىدۇ. دېڭىزچىلىق، سودا ئىشلىرى راۋاجلانغان بولۇپ، ئۆزىمۇ ئىتالىيە، سىتسىلىيىدە بىرقانچە كولونىيە شەھەرلىرىنى قۇرغان. مەسىلەن: جەنۇبىي قوشنىسى بولغان پۇتېئول (Puteoli) ۋە نېئاپول شۇ خىلدىكى شەھەرلەر ئىدى. دەسلەپ ئېتورېلار ۋە ئىتالىيانلار بىلەن رىقابەتلەشكەن. مىلادىدىن 474 يىل ئىلگىرى كومې ئۇرۇشىدا ئېتورېلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ھۆكۈمرانلىق رايونىدىن مەھرۇم قىلغان. ئېيتىلىشىچە ئېتورېلار كومې بىلەن ئۇچرىشىش داۋامىدا يۇنان يېزىقىنى ئۆگىنىۋالغانىكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردە كامپانىيىنىڭ چوڭ شەھىرى كاپويە گۈللىنىپ، كومېنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن. رىمنىڭ كامپانىيىنى ئىگىلىشى بىلەن، ئۇزۇن مۇددەت رىمغا تەۋە بولۇپ كەلگەن. كومې يۇنان رىۋايەتلىرىدىكى ئايال ھۆكۈما سىبىيلا ياكى سېبېل (Sibylla ياكى Sibyl) نىڭ يۇرتى بولۇپ، «كومېلىق سىبىيلا» ئون نەپەر سىبىيلا ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرى ئىكەن. 

كومېئۇچى مېتسۇماسا

  • كومېئۇچى مېتسۇماسا[يەشمىسى:]» (1880 - 1948)، ياپونىيە باش ۋەزىرى(1940). دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى. ئىۋاتې ناھىيىسىدىن. دېڭىز ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1932-يىلىدىن باشلاپ 3-فلوتنىڭ قوماندانى، ساسېبو مۇداپىئە مەھكىمىسىنىڭ قوماندانى، 2-فلوتنىڭ قوماندانى، يوكوسۇكا مۇداپىئە مەھكىمىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1936-يىلى بىرلەشمە فلوتنىڭ قوماندانى بولغان. 1937-يىلى ئادمىراللىققا ئۆستۈرۈلگەن. خاياشىئوچى ئىچكى كابىنېتى، نوئى ئىچكى كابىنېتى، خىرانوما ئىچكى كابىنېتىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1940-يىلى 1-ئايدا ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەندە ياپونىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى خاتاشونروگو ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى ئۈچۈن 7-ئايدا تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان. 1944-يىلى 7-ئايدا كوئىسوكۇنئاكى ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەندە، ئەمەلىيەتتە بىرلەشمە كابىنېت تەشكىللىگۈچى سالاھىيىتى بىلەن كابىنېتقا قاتنىشىپ، دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. كېيىن يەنە داۋاملىق سۈزۈكى كابىنېتىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. «پوتسىدام خىتابنامىسى» نى قوبۇل قىلغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، يەنە خىگاشكۇنى ئىچكى كابىنېتى شىدېخارا ئىچكى كابىنېتىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ۋازارىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانغا قەدەر دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 

كومىن

  • كومىن[يەشمىسى:]» (Philippe de Comines، تەخمىنەن 1151 - 7441) فرانسىيىلىك سىياسىي ئەرباپ، تارىخچى. فلاندېرىستىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلىدە بۇرگۇندى گېرتسوگى چارلېس (دادىل) نىڭ ئىشەنچلىك كىشىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئەنگلىيە ۋە ئىسپانىيىگە ئەلچىلىككە بارغان. 1472-يىلى فرانسىيە كورۇلى لۇئىⅪ نىڭ خىزمىتىگە ئۆتۈپ، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى، مۇھىم ئىشلار ياردەمچىسى بولغان. لۇئى Ⅺ ئۆلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەتكە قارشى پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقتىن، 1487-يىلى قولغا ئېلىنغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، يېڭىباشتىن خىزمەتكە تەيىنلەنگەن. 1494-يىلى ئىتالىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅷ نىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ۋېنېتسىيىگە ئەلچىلىككە بارغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا سەككىز توملۇق «ئەسلىمە» نى يېزىپ پۈتتۈرگەن، ئۇنىڭ مەزمۇنى 1464-يىلىدىن باشلىنىپ، 1498-يىلى ئاخىرلىشىپ، لۇئى Ⅺ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى، چارلېس Ⅷ نىڭ ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلىشى ۋە لۇئى Ⅻ نىڭ تەختكە چىقىشىغىچە بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، ياۋروپادىكى ھەممە ئەللەرنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان دېيىش مۇمكىن. 

كونا پورت

  • كونا پورت[يەشمىسى:]» يەنى پالېمباڭ (Palembang). ھىندونېزىيىدىكى قەدىمكى شەھەر. ھازىرقى سۇماترا ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى چوڭ پورت. مىلادى Ⅶ ئەسىردىن كېيىن، سرىۋىجايا (Srivijaya) نىڭ پايتەختى بولغان. سرىۋىجايا ئاجىزلاشقاندىن كېيىن، سۇماترا ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كىچىك خانلىقىنىڭ مەركىزى بولغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى، ماجاپاھىت (Majapahit) قا قارام بولغان. كېيىن پالېمباڭ دەپ ئۆزگەرتىلگەن، جۇڭگولۇق دېڭىزچى جېڭخې 1407-يىلى (مىڭ سۇلالىسى يۇڭلى 5-يىلى) بۇ يەرنى زىيارەت قىلغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تەسىر دائىرىسىدىن ئايرىلىپ قالغان دېماك (Demak) سۇلتانلىقىنىڭ خان جەمەتى ئەزالىرى پالېمباڭغا قېچىپ كېلىپ، بۇ يەرنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپ قالغان. 1617-يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى بۇ يەرگە بىر مەزگىل باستۇرۇپ كىرگەن، كېيىن بۇ يەردە سودا پونكىتى قۇرغان. 1659-يىلى ئۇلار بالېمباڭنى ئىشغال قىلغان، 1825-يىلىدىن كېيىن بۇ يەر گوللاندىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرىنىڭ بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 

كونا تاش قوراللار دەۋرى

  • كونا تاش قوراللار دەۋرى[يەشمىسى:]» ئارخېئولوگىيە ئىلمىدە تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچى. ئومۇمەن 2 — 3 مىليون يىللىق جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزگەن. بۇ چاغلاردا ئىنسانلار بىرقەدەر قوپال ياسالغان تاش قوراللارنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ياۋا مېۋە-چېۋە يىغىش ھەم بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. بۇ دەۋر ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئىپتىدائىي توپتىن تا ماترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىقى جامائەسىنىڭ پەيدا بولۇش باسقۇچىغىچە بولغان چاغقا توغرا كېلىدۇ. بەزى تاش قوراللارنىڭ تاشقا ئايلانغان ئادەم ئىسكىلىتلىرى بىلەن بىللە تېپىلىشى، كونا تاش قوراللار دەۋرىنى تەتقىق قىلىشنى ئەمەلىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن. تاش قوراللاردىن تاشقىرى، يەنە كالتەك قوراللارنىمۇ ئىشلەتكەن. بۇ دەۋرنىڭ ئاخىرلىرىدا سۆڭەكتىن ياسالغان قوراللارنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. ئوتتىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋالغان ھەم تۆشۈك ئېچىش، ئويمىچىلىق تېخنىكىسىنى بىلگەن، ئويمىچىلىق، بېزەك بۇيۇملىرى، قىيا تاش سۈرەتلىرى قاتارلىق سەنئەت ئەسەرلىرى بارلىققا كەلگەن. 

كونا دىن

  • كونا دىن[يەشمىسى:]»ⅩⅥ ئەسىردىكى ياۋروپا دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىدە بارلىققا كەلگەن خرىستىئان دىنى پروتېستانت مەزھەپلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگودا كاتولىك دىنىغا بېرىلگەن يەنە بىرخىل نام. 

كونا ڭۇيېن

  • كونا ڭۇيېن[يەشمىسى:]» ۋيېتنامدىكى يېڭى ڭۇيېنگە مۇناسىپ. ۋيېتنامدا ئۆتكەن فېئودال ڭۇيېن خۇئاڭ 1600-يىلى قۇرغان تەپرىقىچى ھاكىمىيەت. كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن. بۇ ھاكىمىيەت كۆرۈنۈشتە لى سۇلالىسىگە قاراشلىق بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل دۆلەت بولۇۋالغان. جۇڭگو، ياپونىيىلەر «كۇ ئاڭ نام دۆلىتى»، ياۋروپالىقلار «كوچىنچىنى (Cochin china) خانلىقى» دەپ ئاتىغان. شىمالدىكى تىرىن (جېڭ، Trinh) جەمەتى قۇرغان تەپرىقىچى ھاكىمىيەت بىلەن تەڭ تۇرۇپ، 200 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان جەنۇب-شىمال تىركىشىش ھالىتىدىكى جېدەللىك دەۋرىنى شەكىللەندۈرگەن. 1771-يىلى پارتلىغان تاي سون (Tayson) دېھقانلار قوزغىلىڭى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. لېكىن بۇ جەمەتنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى ڭۇيېن ئانسىئام ۋە فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ تاي سون قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، تاي سون سۇلالىسىنى يوقاتقان. تارىختا كۇئاڭ نام دۆلىتىنى قۇرغان ڭۇيېنلەر جەمەتى «كونا ڭۇيېنلەر»، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرى «ڭۇيېن خانلار دەۋرى» دەپ ئاتالغان، تاي سون سۇلالىسىنى قۇرغان ڭۇيېنلەر جەمەتى «يېڭى ڭۇيېنلەر» ياكى «تاي سون ڭۇيېنلىرى» دېيىلگەن. 

كونان دويىل

  • كونان دويىل[يەشمىسى:]» (Arthur Conan Doyle، 0391 - 9581) ئەنگلىيىلىك يازغۇچى. شوتلاندىيىدىكى بىر خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئېدىنبۇرگ داشۆسىنىڭ دوختۇرلۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1881-يىلى مېدىتسىنا ئىلمىي بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2091 - 9981-يىللىرى جەنۇبىي ئافرىقا ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە ئارمىيىسىدە ھەربىي دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەن. 1887-يىلى تۇنجى رازۋېتكا ھېكايىسى «قان بىلەن يېزىلغان خەت ئۈستىدە تەتقىقات» نى ئېلان قىل-غان، كېيىن كۆپلىگەن رازۋېتكا ھېكايىلىرىنى يېزىپ، ئەقىللىق ۋە تەدبىرلىك خۇسۇسىي رازۋېتچىك ھولمىسنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. كونان دويىلنىڭ «ھولمىسنىڭ دېلو تەكشۈرۈشى» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى سيۇژىتلىرىنىڭ مۇرەككەپلىكى، ۋەقەلىرىنىڭ ئاجايىپ-غارايىپلىقى، دېلو تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ تولىمۇ قىزىقارلىقى بىلەن مەشھۇر. ئۇنىڭ يەنە تارىخىي رومانلىرىمۇ بار. كونان دويىل ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاپ «جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى» نى يازغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مەرتىۋە ئىنئام قىلىنغان. 

كونبائوڭ خاندانلىقى

  • كونبائوڭ خاندانلىقى[يەشمىسى:]»يەنى ئائۇڭ زېيا خاندانلىقى، بۇ خاندانلىقنىڭ پايتەختى قەدىمكى كونبائوڭ (ھازىرقى سۋېبو) دا بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 

كوندور كانچۇي

  • كوندور كانچۇي[يەشمىسى:]» (Jose Cabriel Condorcanqui، تەخمىنەن 1742 - 1781) يەنى «توپاك ئامارۇ» (2) غا قاراڭ. 

كوندورسېت

  • كوندورسېت[يەشمىسى:]» (Marie Jean Antoine Nicotas de Caritat, Marquisde Condorcet، 4971 - 3471). فرانسىيىلىك مەرىپەتپەرۋەر مۇتەپەككۇر، فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى گروندىچىلار رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىك ۋاقتىدا رېيمىس ئەيسا جەمئىيىتى مەكتىپىدە ۋە پارىژ ناۋاررا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، ماتېماتىكىغا ئۇستا. 1769-يىلى تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە، 1782-يىلى فرانسۇز ئاكادېمىيىسىگە كىرگەن. ئىنقىلابتىن بۇرۇن ئىلغار مۇتەپەككۇرلار بىلەن ئىناق بولۇپ، ئېنىسكلوپىدىيىچىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە قاتناشقان؛ ئۇنىڭ ئىنتېگرال، ئېھتىماللىق توغرىسىدىكى ماتېماتىكا دىسسرتاتسىيىلىرىدىن باشقا، يەنە ۋولتېرنىڭ تەرجىمىھالى تونۇشتۇرۇلغان ئەسەرلىرى بار. ئىنقىلاب باشلانغاندىن كېيىن سىياسىي ھەرىكەتكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئىلگىرى-ئاخىر قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىغا ۋە خەلق ئۇيۇشمىسىغا سايلانغان ھەمدە كۆپلىگەن مۇھىم ھۈججەتلەرنى تۈزۈشكە قاتناشقان، ئۇ خەلق مائارىپ تۈزۈمى لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە گروندېچىلار ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تۈزگەن بولسىمۇ، قوبۇل قىلىنمىغان. گروندىچىلارنىڭ كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرغان ھەمدە كورۇلغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە قارشى تۇرغانلىقتىن ياكوبىنچىلار ئۇنى گىراژدانلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دوستلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە يوشۇرۇنۇپ، باش چۆكۈرۈپ كىتاب يازغان. 1794-يىل 3-ئاينىڭ 27-كۈنى قولغا ئېلىنىپ، 29-كۈنى سەھەردە زىنداندا ئۆلگەن. ئۆلۈشنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس، ئۇ قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش، ئىقتىسادىي ئەركىنلىكنى ۋە دىنغا تاقەت قىلىشنى يولغا قويۇش، باشلانغۇچ مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئومۇمىي سايلام ۋە نىسبەت بويىچە ۋەكىل سايلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ كۆز قارىشى كارىتاتتا زور تەسىر پەيدا قىلغان، «ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى ئىلگىرىلەش تارىخىي ھەققىدە» ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. 

كوندىياك

  • كوندىياك[يەشمىسى:]» (Etienne Bomnot de Condillac، 0871 - 5171) فرانسىيىلىك پەيلاسوپ، پوپ. 1752-يىلى بېرلىن ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە سايلانغان. 7671 - 8571-يىللىرى پارما ئوردىسىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1768-يىلى فرانسۇز پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئەزا بولغان. لوگىكا، ئىقتىساد، پسىخولوگىيە قاتارلىق پەنلەردە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. پەلسەپىدىكى لوككې تەجرىبە سەزگۈ نەزەرىيىسىنى تارقاتقۇچى ۋە راۋاجلاندۇرغۇچى. سەزگۈنىڭ ئىنسانلار بىلىمىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان؛ بارلىق ئاڭلىق تەجرىبە پاسسىپ سەزگۈنىڭ ئاددىي يەكۈنى، شۇنداقلا پسىخولوگىيىدە تەسەۋۋۇرنىڭ مەھسۇلى؛ ھېسسىيات سەزگۈ تەجرىبىسىگە تايىنىپ بىزار بولۇش، ئازابلىنىش ۋە خۇشاللىنىش ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ نەتىجىسى دەپ ھېسابلاپ، شۇ ئارقىلىق لوككېنىڭ «ئويلىنىش» كۆز قارىشىدىن ۋاز كەچكەن. بىراق، يەنىلا سەزگۈنى شەيئىنىڭ بەلگىسى، ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ ماھىيىتىنى بىلگىلى بولمايدۇ دەپ ھېسابلىغان ھەمدە دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ روھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇنىڭ بىلىش نەزەرىيىسى ئەينى چاغدىكى فرانسىيە پەلسەپىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ «ئىنسانىيەت بىلىمىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا»، «سەزگۈ توغرىسىدا»، «لوگىكا» ۋە «ھېسابلاش تىلى» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار. 

كونرادⅡ

  • كونرادⅡ[يەشمىسى:]»(KonradⅡ، تەخمىنەن 9301 - 099) گېرمانىيە كورۇلى (1024 - 1039، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (9301-4201،1027-يىلى تاج كىيگەن). فرانكىنىيە سۇلالىسىنى قۇرغۇچى. ئىچكى جەھەتتە رىتسارلار ۋە سادىق ۋەزىرلىرىگە تايىنىپ، چوڭ فېئوداللارغا قارشى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، پادىشاھلىق ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتكەن. سىرتقا قارىتا قورال كۈچىگە تايىنىپ كېڭەيمىچىلىك قىلغان: 9201-6201-يىللار ۋە 8301 - 7301-يىللاردا ئىتالىيىگە ئىككى قېتىم تاجاۋۇز قىلغان ھەمدە 1037-يىلى 5-ئايدا ئىتالىيىدە «ئىنئام قىلىنغان يەرلەر ئەۋلادىغا مىراس قېلىش توغرىسىدىكى پەرمان» نى چۈشۈرۈپ، رىتسارلارنىڭ ئىنئام قىلىنغان يەرلەرگە ۋارىسلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلىپ، ئىتالىيە رىتسارلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولغان (بۇ پەرمان كېيىن گېرمانىيىدىمۇ قوللىنىلغان)؛ 1030-يىلى ۋېنگرىيىگە تاجاۋۇز قىلغان، 4301 - 2301-يىللاردا بۇرگۇندى پادىشاھلىقىنى قوشۇۋالغان. 

كونفالونىئېرى

  • كونفالونىئېرى[يەشمىسى:]» (Federico Confalonieri، 1785 - 1846)، ئىتالىيىلىك ۋەتەنپەرۋەر، لومباردىيە-ۋېنېتسىيە رايونى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاقسۆڭەك لىبېرال داھىيلىرىدىن بىرى. 1814-يىلدىن ئىلگىرى، فرانسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان، كېيىن يەنە ئاۋسترىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان. 1818-يىلدىن كېيىن مەخپىي تەشكىلات —«ئىتالىيە ئىتتىپاقى» غا رەھبەرلىك قىلىپ، ئاۋسترىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، لومباردىيە-ۋېنېتسىيىنى ئازاد قىلىش ھەمدە شىمالىي ئىتالىيىدە پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەت قۇرۇشنى كۆزلىگەن. 1821-يىلى قولغا ئېلىنغان، كېيىن ئاۋسترىيىدە ئۇزاق مۇددەت قامالغان. 1835-يىلى ئامېرىكىغا قاچاق بولۇپ بارغان، 1837-يىلىنىڭ بېشىدا ياۋروپاغا قايتىپ كەلگەن. «ئەسلىمە ۋە خەتلەر» دېگەن ئەسىرى بار. 

كونگو ئەركىن شتاتى

  • كونگو ئەركىن شتاتى[يەشمىسى:]»زايىرنىڭ بېلگىيە كورۇلى لېئوپولد Ⅱ نىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىكى نامى. ئافرىقىنى بۆلۈشۈۋېلىش دولقۇنىدا، بېلگىيە، فرانسىيە ۋە ئەنگلىيىنىڭ قوللىشىدىكى پورتۇگالىيە كونگو دەرياسى (زايىر دەرياسى) ۋادىسىدا كەسكىن تالىشىپ، بىر-بىرىگە زادى يول قويمىغان. 1885-يىلى بېرلىن يىغىنى «خەلقئارالىق كونگو جەمئىيىتى» نىڭ بۇ رايوندىكى «ئىگىلىك ھوقۇقى» نى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنى «كونگو ئەركىن شتاتى» دەپ ئاتىغان. لېئوپولد Ⅱ شەخس نامى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، دۆلەت باشلىقى بولغان. 1908-يىلدىن باشلاپ بېلگىيە ھۆكۈمىتى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، «بېلگىيىگە قارام كونگو» دەپ ئاتالغان. 

كونگو پادىشاھلىقى

  • كونگو پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]» ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن ⅩⅣ ئەسىردە قۇرۇلغان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا زېمىنى شىمالدا كونگو دەرياسى ۋادىسىغىچە، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغىچە، جەنۇبتا لورې دەرياسىغىچە، شەرقتە كۋانگو دەرياسى ۋادىسىغىچە بولغان. پايتەختى مبانزا (Mbanza، كېيىن نامى سان-سالۋادورغا ئۆزگەرتىلگەن، ھازىرقى ئانگولانىڭ شىمالىدا). 1484-يىلىدىن باشلاپ پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى كۆپلەپ سىڭىپ كىرىپ، قۇللارنى بۇلاپ سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان. 1665-يىلى پادىشاھ پورتۇگالىيىلىكلەرنىڭ كان تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلىغانلىقتىن، ئىككى تەرەپ ئۇرۇش قىلىپ، پادىشاھ ئۇرۇشتا ئۆلگەن؛ كېيىن پادىشاھلىق پارچىلىنىپ كەتكەن. 

كونستانتىنⅠ

  • كونستانتىنⅠ[يەشمىسى:]» (Constantine Ⅰ، 3291 - 8681)، گرېتسىيە كورۇلى (7191 - 3191؛ 2291 - 0291). ياشلىقىدا پرۇسسىيە گۋاردىيىسىدە خىزمەت ئۆتىگەن، گېرمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئېمپېراتورى ۋىليام Ⅱ نىڭ سىڭلىسى بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. 1897-يىلدىكى گرېتسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى ۋە 3191 - 2191-يىللاردىكى بالقان ئۇرۇشىدا گرېتسىيە قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلغان. 1913-يىلى گېرمانىيە مارشالى نامىغا ئىگە بولغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن گېرمانىيەپەرەس سىياسەت يۈرگۈزگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئانتانتا دۆلەتلىرىگە قاتنىشىپ ئۇرۇش قىلىشقا قارشى تۇرغان. ئەنگلىيىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، 1917-يىلى 6-ئايدا تەختنى ئوغلى ئالېكساندرغا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئالېكساندر 1920-يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، گراژدانلارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق يېڭىباشتىن تەختكە چىققان. 1922-يىلى 6-ئايدىكى گرېتسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان ۋە خەلقنىڭ نارازىلىقى ئاستىدا، يەنە تەختنى بوشىتىپ بەرگەن، ئىتالىيىدە ئۆلگەن. 

كونستانتىن خرىستوۋورىيە

  • كونستانتىن خرىستوۋورىيە[يەشمىسى:]» (Konstantin Christovoria، 5981 - 6381)، ئالبانىيىلىك تىلشۇناس، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ پېشۋالىرىدىن بىرى. ياش ۋاقتىدا ئەنگلىيىدە ئوقۇغان. 1864-يىلى تۈركىيىنىڭ ئىستامبول شەھىرىدە ئالبانىيە مەدەنىيەت جەمئىيىتى قۇرۇشنى ھەمدە بۇ جەمئىيەتنىڭ مەكتەپ ئېچىش ۋە ئالبان تىلىدا تۈزۈلگەن دەرسلىكلەرنى نەشىر قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى تۇرۇشى نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشمىغان. بەزى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازغان ھەمدە «ئىنجىل» نى تەرجىمە قىلغان. 

كونستانىس سۈلھ شەرتنامسى

  • كونستانىس سۈلھ شەرتنامسى[يەشمىسى:]» مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى فرېدرىخⅠ (قىزىل ساقال) بىلەن لومباردىيە ئىتتىپاقىنىڭ 1183-يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنى كونستانىس شەھىرىدە ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسى. شەرتنامىدە ئىمپېراتور لومباردىيە ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ھەرقايسى شەھەرلەرگە ئەمەلدار تەيىنلەش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدۇ، ھەرقايسى شەھەرلەر كونسۇللارنى ئۆزى سايلايدۇ، ئەمما ئۇلار ئىمپېراتورنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىگە بولۇشى لازىم؛ ئىمپېراتور ئىتالىيىگە قارشى جەڭگە ئاتلانغاندا، ھەرقايسى شەھەرلەر ياردەمچى قوشۇن يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئەمما ئىمپېراتور ئۇلارنى ئۇزاق مۇددەت تۇرغۇزۇۋالمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن لومباردىيە ئىتتىپاقىدىكى شەھەرلەر ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا يېڭىباشتىن ئېرىشكەن. 

كونستانىس يىغىنى

  • كونستانىس يىغىنى[يەشمىسى:]» كاتولىك چېركاۋىنىڭ 8141 - 4141-يىللاردا كونستانىس (Konstanz، ئىتتىپاق گېرمانىيىسىنىڭ بادېن-ۋۇرتتېمبېرگ شتاتىدا) شەھىرىدە چاقىرىلغان دىنىي يىغىن. يىغىنغا مىسسىئونېرلاردىن باشقا يەنە غەربىي ياۋروپانىڭ دەھرىي فېئوداللىرى، جۈملىدىن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى سىگىنمۇندمۇ قاتناشقان. يىغىن ۋىكلىف ۋە خۇسنىڭ تەلىماتىنى بىدئەت دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە خۇسنى يىغىنغا چاقىرتىپ سوراققا تارتقان، ئاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋەتكەن. يىغىن ئۈچ تەرەپ بولۇپ تىركىشىپ تۇرغان ئۈچ پاپانى: يوھان ⅩⅢ، گرىگورې ⅩⅡ ۋە بېنېدىكتۇس ⅩⅢ لارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېڭى پاپا مارتىنۇسⅤ(MartinusⅤ، 1417- 1431-يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) نى سايلىغان. شۇنىڭ بىلەن كاتولىك چېركاۋىنىڭ 40 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان چوڭ بۆلۈنۈشىنى ئاخىرلاشتۇرغان. يىغىن دىنىي يىغىنىنىڭ ھوقۇقى پاپادىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە پاپادىن بۇ يىغىننى قەرەللىك ئېچىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئەمەلگە ئاشمىغان. 

كونسۇللاروس

  • كونسۇللاروس[يەشمىسى:]» ئىسپانىيىچە Consulados دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، سودا كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى ياكى سودا سوتى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەرنىڭ سودىسى ۋە بازار ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان مۇھىم ئورگىنى. 1543-يىلى ئىسپانىيىنىڭ سۋېللې دېگەن جايىدا قۇرۇلۇپ، سودا مەھكىمىسىگە تەۋە بولغان. دەسلەپتە پەقەت بىر نەپەر سودىيە ۋە بىرقانچە نەپەر ئەمەلدارلار سودا دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولغان. كېيىن ئامېرىكا قىتئەسىدىكى لىما ۋە مېكسىكا شەھەرلىرىدە تەسىس قىلىنغان، ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يەنە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى باشقا سەككىز چوڭ شەھەردىمۇ قۇرۇلغان. ئۇ سوت سالاھىيىتى بىلەن توختام سۇنۇش، مال توشۇش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار سودا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلغان؛ ئىسپانىيىدە ۋەكىل تۇرغۇزۇپ، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەر سودىگەرلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغان؛ سودا تىجارىتى ھوقۇقىنى كونترول قىلىپ، مەخسۇس سېتىش بېجى ۋە باشقا باجلاردىن كەلگەن فوندنى ئىگىلىگەن ھەمدە سودىگەرلەر ئۈچۈن باج پۇلىنى يىغىپ تاپشۇرغان. 1790-يىلى سودا مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، جايلارنىڭ سودا ئىشلىرىنى تېخىمۇ كونترول قىلغان ھەمدە ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلىرىنىڭ سودا قانۇنىنى تۈزگەن. 

كونسىدېرانت

  • كونسىدېرانت[يەشمىسى:]» (Victor Considerant، 3981 - 8081) فرانسىيىلىك خىيالى سوتسىيالىزمچى، فوئورئېرمنىڭ مۇرىتى. پارىژ ئۇنىۋېرسال تېخنىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھەربىي ئىنژېنېر بولغان. 1831-يىلى قوشۇندىن ئايرىلىپ، خىيالى سوتسىيالىزمنى تەشۋىق قىلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، فوئورئېرچىلار چىقارغان «پالانستېرى»، «پالانگى» قاتارلىق ژۇرناللاردا تەھرىر بولغان، «تىنچلىق دېموكراتىيە گېزىتى» نى چىقارغان. ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى ۋە قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. لۇئى بىلاننىڭ ئىسلاھات لايىھىسىنى قوللىغان. دېموكراتچىلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقتىن، 1849-يىلى سەرگەردان بولۇپ، چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن. شىمالىي ئامېرىكىدا پلانگى كۆچمەنلىرى رايونى قۇرماقچى بولغان. 1869-يىلى فرانسىيىگە قايتقان، 1871-يىلى 4-ئايدا بايانات ئېلان قىلىپ پارىژ كوممۇنىسىنى قوللىغان. ئۇ ئەسىرىدە فوئورئېرچىلارنىڭ كۆز قارىشىنى سىستېمىلىق ھالدا بايان قىلىپ، كاپىتالىستىك تۈزۈمنى تەنقىدلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق كوپىراتسىيىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ساپ دېموكراتىيىنى تەشۋىق قىلغان. ئۇنىڭ «جەمئىيەتنىڭ تەقدىرى»، «تەستىقلاشنىڭ سىياسىي ئاساسى»، «ھەمكارلاشقۇچىلار خىتابنامىسى» ۋە «فوئورئېر پلانستېر سىستېمىسىنىڭ مۇھىم ئىزاھاتى» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار. 

كونوخىرىئوناكا

  • كونوخىرىئوناكا[يەشمىسى:]» (3291 - 9481) ياپونىيە ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى. ۋۇچىن ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1875-يىلى فوكوشىما ناھىيىسىدە سېكىيوشا جەمئىيىتىنى تەشكىللىگەن، 1878-يىلى سانچىشا جەمئىيىتىنى تەسىس قىلغان. 1881-يىلى ئەركىنلىك پارتىيىسىنى قۇرغان ھەمدە فوكوشىما ناھىيىلىك پارلامېنتنىڭ باشلىقى بولغان. 1882-يىلى ناھىيە خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ناھىيە ھاكىمى مىشىماتورونىڭ زوراۋانلىق سىياسىتىگە قارشى چىقىپ قولغا ئېلىنغان. 1889-يىلى تۈرمىدىن يېنىپ چىققان. 1890-يىلدىن باشلاپ ئۇدا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، 1903-يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان، 1915-يىلى داۋې ئىچكى كابىنېتىنىڭ يېزا ئىگىلىك سودا ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي جەمئىيەتنىڭ كادىرى بولۇپ ئومۇمىي سايلام ھەرىكىتىگە كۈچ چىقارغان. 

كونون

  • كونون[يەشمىسى:]»(Konon ياكى Conon، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 444 - 293) قەدىمكى ئافىنا قوماندانى. پېلوپوننېس ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئافىنا دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلغان. مىلادىدىن 405 يىل ئىلگىرى، ئېگىسپودام جېڭىدە سپارتانىڭ قوماندانى لىيساندېر تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغان. كېيىن سەككىز پاراخوتنى باشلاپ سىپۇرۇستا پاناھلانغان. ئۇرۇشتىن كېيىن سپارتا بىلەن پېرسىيە توقۇنۇشۇپ قالغاندا، پېرسىيىنىڭ بىر قىسىم فىلوتىغا قوماندانلىق قىلىپ، مىلادىدىن 394 يىل ئىلگىرى كنىدوس (Cnidus، رود ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىدا) تا سپارتا دېڭىز ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. ئىككىنچى يىلى ئافىناغا قايتىپ، ئافىنا سېپىلى ۋە بىرىيوس پورتىنى قايتا قۇرۇپ چىققان. سپارتا پېرسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، كونون بۇيرۇققا بىنائەن ئانتالكىداس (سپارتا ۋەكىلى) نىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلىگەچكە، پېرسىيە ئەرمىنىيە باش ۋالىيسى تىرىبازۇس (Tiribazus) تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنغان. بەلكىم ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. بەزىلەر سىپىرۇسقا قېچىپ كېتىپ، شۇ يەردە ئۆلگەن دەيدۇ.

كونوئى فۇمىمارو

  • كونوئى فۇمىمارو[يەشمىسى:]»(5491 - 1981) ياپونىيە باش ۋەزىرى (9391 - 7391، 1491 - 0491). ئۇرۇش جىنايەتچىسى. يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ۋارىس گېرتسوگ. 1917-يىلى كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1919-يىلى سايىئۇنجى كىمىموچىغا ھەمراھ بولۇپ پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. 1931-يىلى ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1933-يىلى ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ھەربىي ئىشلار مىنىستىرلىكىگە يېقىنلاشقان. 1937-يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنى كابىنېت تەشكىللىگەن، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشتىكى7-ئىيۇل ۋە 13-ئاۋغۇست ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىپ، جۇڭگودىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى كېڭەيتكەن. 1939-يىلى 1-ئايدا خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1940-يىلى 7-ئايدا يەنە بىر نۆۋەت كابىنېت تەشكىللىگەن؛ ئىچكى جەھەتتە ئوماساتا سوكۇسان ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللەپ، «يېڭى تۈزۈلمە ھەرىكىتى» نى يولغا قويغان، سىرتقا قارىتا گېرمانىيە، ئىتالىيە بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق تۈزگەن ھەمدە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. 1941-يىلى 7-ئايدا ئۈچىنچى قېتىم كابىنېت تەشكىللىگەن. ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ قاتمال ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن كابىنېتنىڭ ئىچكى قىسمىدا پىكىر ئوخشاش بولماي، 10-ئاينىڭ 16-كۈنى ئومۇمىي ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى خىگاشىكۇنى توشخىكو كابىنېت تەشكىللىگەندە، دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان ھەمدە ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، تەرەپ-تەرەپتە ھەرىكەتلەنگەن. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى قىلىپ بېكىتىلگەن. 16-كۈنى زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان. 

كونستانت-ىنⅠ

  • كونستانت-ىنⅠ[يەشمىسى:]» (Gaius Flavius Valerius Gonstantinus Ⅰ، تەخمىنەن مىلادى 733 - 472) قەدىمكى رىم ئىمپېراتورى (733 - 603). يەنى «ئىمپېراتور كونستانتىن». كونستانتىئۇس (Constantius Chlorus) بىلەن ھېلىننانىڭ چوڭ ئوغلى. يۇقىرى مېسيىدىكى ئائىسۇس (Naissus) تا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ھەربىي سەپكە كىرىپ گالېرىئو (Galerius) نىڭ قول ئاستىدا ساسانىيلار پېرسىيىسىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. كېيىن گاللىيە (ھازىرقى فرانسىيە ئەتراپى) گە بارغان. ئاتىسى بىلەن بىللە برىتانىيىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلغان. ئاتىسى ئۆلگەن (306) دىن كېيىن، ئارمىيە ئۇنى ھىمايە قىلىپ پادىشاھ قىلغان. ئۇ رەقىبلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ قىلىپ، مىلادى 312-يىلى رىم شەھىرىنىڭ سىرتىدا كۈچلۈك رەقىبى ماكىسېنتى (Maxentius) نى يېڭىپ، ئىمپېرىيىنىڭ غەربىي قىسمىدا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتقان. ئىككىنچى يىلى ئىمپېرىيىنىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ ھۆكۈمرانى لېسنىي (Licinius) بىلەن بىرلىكتە مىلاندا پەرمان ئېلان قىلىپ خرىستىئان دىنىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان («مىلان پەرمانى» غا قاراڭ). 314-يىلى، كونستانتىن لېسنىي (ئۇ كونستانتىنىڭ سىڭلىسى بىلەن توي قىلغان) بىلەن جەڭ قىلغان، لىسنىي پاننونىيە ۋە ئادرىئانوپول جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ، شەرقىي قىسمىدىكى كەڭ زېمىن (ئىللىرىيە، ماكېدونىيە، ئاكايە) لىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن كونستانتىن رېين دەرياسى بىلەن دوناي دەرياسى ئەتراپىدا ھەر يىلى ئۇرۇش قىلىپ گوتلارنى مەغلۇپ قىلغان. كۆپلىگەن «ۋارۋارلار» نى كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئەسكەر مەنبەسىنى تولۇقلىغان. 323-يىلى كونستانتىن بىلەن لېسنىي ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان، كالىسېدون (Chalcedon، بوسفور بوغۇزىدا) قاتارلىق جايلاردىكى جەڭدە لېسنىي ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولغان (كۆپ ئۆتمەي ئۆلتۈرۈلگەن). كونستانتىن پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، 325-يىلى نىسىيىدە (كىچىك ئاسىيا) بىرىنچى قېتىملىق خرىستىئان ئېپىسكوپلىرى يىغىن چاقىرىپ، ئەنئەنىۋى دىنىي ئەقىدىلەرنى بېكىتىپ، ئارىئوسچىلارنى «بىدئەت» دەپ ئەيىبلەپ، سىياسىي ۋە ئىدىيە جەھەتتە خرىستىئان دىنىي ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىپ، ئۇنى رىم ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرغان(«نىسىيە يىغىنى» غا قاراڭ). دىئوكلېتىئاندىن كېيىن ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى مۇستەھكەملەپ، بيۇروكراتلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، مۈلكىي ۋە ھەربىي ئىشلارنى بۆلۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويغان. يەر بېجى ۋە نوپۇس بېجى ئالغان، ھەرقايسى كەسىپلەرنى چەكلەپ شۇ كەسىپكە قاراشلىق تارماقلارغا بەنت قىلىپ قويغان، قول ھۈنەرۋەنلەر كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ (317)، شەھەر كېڭەش ئەزالىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ (316 ۋە 325)، بېقىندى دېھقانلار ئۆزى قاراشلىق بولغان قورۇقلاردىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ (332) دەپ بەلگىلەپ، باج كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلغان. ئىمپېرىيىنىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ستراتېگىيە جەھەتتىكى ئورنى كۈنسايىن مۇھىم بولغاچقا، 330-يىلى مىڭ يىللىق قەدىمكى پايتەخت رىم شەھىرىدىن ۋاز كېچىپ، پايتەختنى ۋىزانتىيىگە كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ نامىنى كونستانتىنوپول(Constantinople «كونستان- تىننىڭ شەھىرى» دېگەن مەنىدە) غا ئۆزگەرتكەن، ۋاپات بولۇش ئالدىدا چوقۇنۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ خرىستىئان بولغان.

كونستانتىنⅤ

  • كونستانتىنⅤ[يەشمىسى:]» (Constantine Ⅴ، 577 - 917) ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى (577 - 147). ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن مىلادى 247 - 147-يىللىرى ئارتاۋاسدېس (Artavasdes) قوزغىغان توپىلاڭنى تارمار قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئەرەبلەر ۋە بۇلغارىيىلىكلەرنىڭ ھۇجۇمىنى كۆپ قېتىم چېكىندۈرگەن. 754-يىلى دىنىي يىغىن چاقىرىپ، بۇتقا چوقۇنۇشنى ئەيىبلىگەن، كېيىن موناستىرلارنى كەڭ كۆلەمدە تاقاپ، موناستىرلارنىڭ يەر-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇنى ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن. («بۇت چېقىش ھەرىكىتى» گە قاراڭ).

كونستانتىنⅪ

  • كونستانتىنⅪ[يەشمىسى:]» (Contantine Ⅺ Palaeologus، تەخمىنەن 1404 - 1453) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى ئىمپېراتورى (3541 - 9441) مانۇئېل Ⅱ نىڭ ئوغلى. پلوپوننېس يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنىڭغا قاراشلىق بولغان، لېكىن 1446-يىلى تۈركىيە سۇلتانى مۇراد Ⅱ تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، بۇ جايدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان. 1448-يىلى ئاكىسى — كورۇل جوننې Ⅷ (Palaeologus Joannes Ⅷ، 8441 - 5241-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ئۆلگەندىن كېيىن تەختكە چىققان، شۇ زاماندا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنى ئەمەلىيەتتە كونستانتىنوپول ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. ئۇ پاپا ۋە ئىتالىيە شەھەر جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قايتا-قايتا ياردەم سورىغان بولسىمۇ، ئانچە ئۈنۈم بەرمىگەن. 1453-يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، تۈركىيە سۇلتانى مۇھەممەد Ⅱ كونستانتىنوپولنى ئىشغال قىلغان، كونستانتىن Ⅺ ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى مۇنقەرز بولغان. 

كونستانتىنⅦ

  • كونستانتىنⅦ[يەشمىسى:]» (Constantine Ⅶ Porhyrogenitus، 905 - 959) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ماكېدونىيە خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (959 - 319). لېئو (Leo) Ⅵ نىڭ ئوغلى. ياش ۋاقتىدىلا تەختكە چىققان. مىلادى 919-يىلى ئۇ قېيىن ئاتىسى رومان لېكاپېن (Romanus Lecapenus، ؟ - 849) دىن تەختنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنى رومان Ⅰ دەپ ئاتىغان. 944-يىلى، رومان Ⅰ چوڭ خوتۇنىدىن بولغان ئوغلى تەرىپىدىن تەختتىن چۈشۈرۈلگەن. ئىككىنچى يىلى كونستانتىن ئۆزى ھاكىمىيەت باشقۇرغان. ئۇ ئىچكى جەھەتتە يەرلەرنى قوشۇۋېلىشنى چەكلەپ، يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك خاھىشىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولغان. تاشقى جەھەتتە بۇلغارىيە ۋە روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مېسوپوتامىيە ۋە شىمالىي سۈرىيىدىكى ئەرەبلەر بىلەن كۈچىنىڭ بارىچە ئۇرۇش قىلىپ، بەزى رايونلارنى قايتۇرۇۋالغان. پەن ۋە مەدەنىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەسەر يېزىشنى تەشەببۇس قىلىپ، كۆپ خىل ئەسەرلەرنى نەشىر قىلدۇرغان. ئۆزىمۇ «ۋىزانتىيە ۋە ئۇنىڭغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ خاتىرىسى» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ، كلاسسىك مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەتقىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. 

كونستانتىنوپول

  • كونستانتىنوپول[يەشمىسى:]»(Constantinople) ئەسلى نامى ۋىزانتىيە بولۇپ، قەدىمكى يۇناننىڭ كولۇنىيە شەھىرى. ئۇ بوسفور بوغۇزىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، قارا دېڭىز ئېغىزىنى بوغۇپ تۇرىدۇ، يەر تۈزۈلۈشى مۇھىم جاي ھېسابلىنىدۇ. مىلادى 330-يىلى رىم ئىمپېراتورى كونستانتىن Ⅰ پايتەختنى بۇ جايغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ نامىنى كونستانتىنوپولغا ئۆزگەرتكەن. مىلادى 395-يىلى رىم ئىمپېرىيىسى شەرقىي ۋە غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەندە، شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى (ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى) نىڭ پايتەختى قىلىنغان. ماركس كونستانتىنوپولنى ياۋروپا بىلەن ئاسىيا قىتئەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان «ئالتۇن كۆۋرۈك» دەپ ئاتىغان. ئوتتۇرا ئەسىردىكى مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان. 1453-يىلى ئوسمان تۈركلىرى بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قىلىپ، ئۇنىڭ نامىنى ئىستانبولغا ئۆزگەرتكەن. ھازىر بۇ شەھەر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق بولۇپ، شەھەر رايونىنىڭ دائىرىسى دېڭىز بوغۇزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغىچە كېڭەيتىلگەن ھەمدە 1973-يىلى 1560 مېتر ئۇزۇنلۇقتىكى كۆۋرۈك ياسىلىپ دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقى تۇتاشتۇرۇلغان. 

كونستانتىنوپول يىغىنى

  • كونستانتىنوپول يىغىنى[يەشمىسى:]» بالقان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چاقىرىلغان خەلقئارالىق يىغىن. 1876-يىل 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 1877-يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە كونستانتىنوپول (ھازىرقى ئىستانبول) دا ئېچىلغان. روسىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان، روسىيە يېتەكچىلىك رول ئوينىغان. يىغىن قارارىدا تۈركىيىدىن بۇلغارىيە، بوسىنىيە ۋە گېرتسېگو ۋېنادا ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان. كېيىن تۈركىيىدە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەچكە، تۈركىيە ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، تەلەپنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. ئۇنىڭ مەغلۇپ بولۇشى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى (8781 - 7781) نىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان. 

كونستانتىننىڭ ھەدىيىسى

  • كونستانتىننىڭ ھەدىيىسى[يەشمىسى:]» مىلادى Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كاتولىك چېركاۋى ئويدۇرۇپ چىققان ھۈججەت، ئۇنىڭدا مىلادى 324-يىلى رىم ئىمپېراتورى كونستانتىن Ⅰ ئىمپېرىيىنىڭ ئىتالىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن غەربىي قىسمىنىڭ دەھرىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى پاپاغا «ھەدىيە قىلغان» دېيىلگەن. پاپا بۇنى ئاساس قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئىتالىيە ۋە غەربىي ياۋروپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ⅩⅤ ئەسىردە ئىتالىيىلىك گۇمانىتار ۋاللا بۇ ھۈججەتنىڭ ساختىلىقىنى ئىسپاتلىغان. 

كونىكچىلار

  • كونىكچىلار[يەشمىسى:]» يەنى «ھاياسىزلار». 

كونيا

  • كونيا[يەشمىسى:]»(Euclydes da Cunha، 9091 - 6681) برازىلىيىلىك يازغۇچى ۋە تارىخشۇناس. 1886-يىلى ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان، كېيىن برازىلىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋە تارىخ تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولغان. 1896-يىلى «سان پاۋلو گېزىتى» نىڭ ئالاھىدە ئەۋەتكەن مۇخبىرى سۈپىتىدە ئارمىيىگە ئەگىشىپ، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ كانودۇس دېھقانلىرى قوزغىلىڭىنى باستۇرغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە كانودۇسنى زىيارەت قىلغان. 1904-يىلىدىن باشلاپ ئاموزۇن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى رايونىدا ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 1908-يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى — ئەدەبىي ئاخبارات «ئوتتۇرا رايون» ناملىق ئەسىرىدە ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى بائىيە شتاتى كانودۇس رايونىدىكى دېھقانلارنىڭ يەر ئۈچۈن قوراللىق قوزغىلاڭ قىلغانلىقىنى تەسۋىرلەپ، برازىلىيىدىكى يەر مەسىلىسى بىلەن مىللىي مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭدىن سىرت ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى توپلىمى — «قارىمۇ قارشىلىق ۋە تۇتاشلىق»، جۇغراپىيە ئەسىرى «پرونىڭ بولىۋىيىگە قارشىلىق كۆرسىتىشى»، ئەدەبىي ئوبزورى — «كاسترو ئالۋېس ۋە ئۇنىڭ دەۋرى»، ئەدەبىي پارچىلار توپلىمى «تارىخ گىرۋىكىدە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

كوئۇنتورىئوتېس

  • كوئۇنتورىئوتېس[يەشمىسى:]» (PavlosKountoriotes،5391 - 5581). گرېتسىيە جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى (6291 - 4291، 9291 - 6291).ئادمىرال. كىچىكىدە ئافېنادا ئوقۇغان بولۇپ، 1874-يىلى دېڭىز ئارمىيىسى مەكتىپىگە كىرگەن. 1897-يىلى گرېتسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەمدە 3191 - 2191-يىللىرى بالقان ئۇرۇشىدا گرېتسىيە فلوتىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئارقا-ئارقىدىن غەلىبە قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا دېڭىز ئارمىيىسى ۋەزىرى بولغان (6191 - 5191، 9191 - 7191)، ۋېنىزىلوسنى قوللاپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1920-يىلى پادىشاھ ئالېكساندر ۋاپات بولۇپ ۋە 1923-يىلى گىئورگى Ⅱ تەختنى بوشاتقاندىن كېيىن، نائىب خان بولغان. 1924-يىلى گرېتسىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان.1926-يىلى بىر مەزگىل ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، كېيىن يەنە زۇڭتۇڭ بولغان. 1929-يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئىستېپا بەرگەن ھەمدە سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان. 

كوۋالېۋىسكايا

  • كوۋالېۋىسكايا[يەشمىسى:]» (Caфья Васильевна Ковалевская، 1850 - 1891) روسىيىلىك ئايال ماتېماتىك. ياش ۋاقىتلىرىدا مەشھۇر ئادەملەرنىڭ تەربىيىسىدە بولغان. 1869-يىلى گېرمانىيىگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان. 1884-يىلى سىتوكھولم داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. كېيىن پېتېربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئاكادېمىكى بولغان. خۇسۇسىي دىففېرېنسىئال تەڭلىمىسى بىلەن قاتتىق جىسىم ئايلانما نەزەرىيىسى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم تۆھپە قوشقان. 

كوۋالېسكىي

  • كوۋالېسكىي[يەشمىسى:]»(Максим Максимович Ковалевский، 1851 - 1916) روسىيىلىك قانۇنشۇناس، تارىخشۇناس، بۇرژۇئازىيە لىبېرالىستلىرىنىڭ سىياسىي ئەربابى. خاركوۋ داشۆسىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1877-يىلىدىن باشلاپ موسكۋا داشۆسىنىڭ دۆلەت قانۇنى ۋە قانۇن-تۈزۈم تارىخى پەنلىرى پروفېسسورى بولغان. 1887-يىلى چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ يۈرگەن ۋە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ستوكھولم داشۆسى، ئوكسفورت داشۆسى، بريۇسسېل داشۆسى ۋە چېكاگو داشۆلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1905-يىلى دۆلىتىگە قايتقان، ئىككىنچى يىلى پېتېربۇرگ داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان، كېيىن بىرىنچى نۆۋەتلىك دوما ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابىغا قارشى تۇرغان. ئۇ شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلار قەبىلىسى شۇنىڭدەك ھىندىستان، ئالجىرىيە قاتارلىق ھەرقايسى جايلاردىكى ئەمەلىي مىساللارغا ئاساسەن جامائەتنىڭ يەر ئىگىلىۋېلىش تۈزۈمىنىڭ تىپى ۋە تەرەققىيات جەريانىنى تەتقىق قىلىپ، ئاتىلىق ھوقۇقى تۈزۈمىدىكى ئائىلىنىڭ ئانىلىق ھوقۇقى تۈزۈمىدىكى ئائىلىدىن يەككە ئائىلىگە ۋە ئۇرۇقداشلىق جامائەسىدىن يېزا جامائەسىگە ئۆتۈشتىكى خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەمدە يېزا جامائەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ماركس ۋە ئېنگېلس ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن پايدىلانغان. ماركس ئۇنىڭ «جامائەتنىڭ يەر ئىگىلىۋېلىش تۈزۈمى، ئۇنىڭ يىمىرىلىش سەۋەبى، جەريانى ۋە نەتىجىسى» ناملىق كىتابىدىن (1879) بەزى ئۈزۈندىلەرنى ئالغان. كوبالېۋىسكىينىڭ بەزىبىر ناتوغرا نۇقتىئىنەزەرلىرى ھەم خۇلاسىلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇنىڭ يەنە «ئىپتىدائىي قانۇن» (1886-يىل)، «ئائىلە شۇنىڭدەك مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي بايان» (1890-يىل)، «كاپىتالىزم پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرىكى ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى» (1898 - 1900-يىللىرى) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

كوۋېر

  • كوۋېر[يەشمىسى:]»(Georges Jean Leopold Ni colas Frederic Baron Cuvier، 2381 - 9671) فرانسىيىلىك بىئولوگىيە ئالىمى، سېلىشتۇرما ئاناتومىيە ۋە قەدىمكى بىئولوگىيىگە ئاساس سالغۇچى. 1802-يىلى تەبىئەت تارىخى مۇزېيىدا سېلىشتۇرما ئاناتومىيە پروفېسسورى بولغان. 1803-يىلى تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە دائىمىي كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن. ناپولېئون دەۋرىدە ۋە تىرىلىش مەزگىلىدە مائارىپ ساھەسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتچى ۋە ئىچكى ئىشلار مۇئاۋىن ۋەزىرى بولغان (1817-يىلى). جانلىق ئورگانىزملارنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەت قانۇنىيىتىنى بايقاپ چىقىپ، لىننېنىڭ ھايۋاناتلارنى تۈرلەرگە بۆلۈش ئۇسۇلىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن؛ ئۇنىڭدىن باشقا، بېلىق تۈرىدىكىلەرنىڭ سۈت ئەمگۈچىلەرگە ئۆتۈش تەرتىپىنى بايقاپ، قەدىمكى بىئولوگىيە پېنى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئۇ لاماركنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات تەلىماتىنى ئىنكار قىلىپ، كونا گېئولوگىيىدىكى كاتاستروفىزم ئارقىلىق تۈرلەرنىڭ يوقىلىپ كېتىشى ۋە داۋاملىشىش ھادىسىسىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭ تەلىماتى قەدىمكى بىئولوگىيە ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينىغان، لېكىن «ئىنجىل» دىكى دۇنيانىڭ يارالمىش تەلىماتىغا ئورۇن قالدۇرۇپ قويغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى «سېلىشتۇرما ئاناتومىيە دەرسلىكى»، «تاشقا ئايلانغان جىسىملار توغرىسىدا تەتقىقات» ۋە «ھايۋاناتلار دۇنياسى» دىن ئىبارەت. 

كوۋېنترىنى بومباردىمان قىلىش

  • كوۋېنترىنى بومباردىمان قىلىش[يەشمىسى:]» ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسى ئەنگلىيىنىڭ ئاۋىئاتسىيە سانائىتى شەھىرى — كوۋېنترىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئۇزاققىچە بومباردىمان قىلغان. 1940-يىلى 01 - 8-ئايلاردىكى برىتانىيە ئۇرۇشىدا، ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ قارشىلىقى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەنگلىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش پىلانىنى بىرنەچچە قېتىم كەينىگە سۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان. 1940-يىل 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ بومباردىمان قىلىش مەركىزى لوندوندىن كوۋېنترىغا يۆتكەلگەن. ئۇزاققىچە بومباردىمان قىلىش نەتىجىسىدە، كوۋېنترى بەكمۇ زور زىيان تارتقان. 1941-يىل 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق مەركەزلىك بومباردىمان قىلىشتىن كېيىن، ئەنگلىيە زېمىنىدىكى ھاۋا ئۇرۇشى ئاساسەن ئاخىرلاشقان. 

كوۋىليا

  • كوۋىليا[يەشمىسى:]»(Pedro de Covilha، تەخمىنەن 0451 - 0541) پورتۇگالىيىلىك سەيياھ. 1487-يىلى پورتۇگالىيە كورۇلى يوئاۋ Ⅱ نىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن، ئىتالىيە بىلەن مىسىرنى كېسىپ ئۆتۈپ، شەرققە سەپەر قىلىپ، ئەپسانىلەردىكى خرىستىئان پادىشاھى جوننى (John) ئىزدىگەن. 1488-يىلى ھىندىستاننىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىچە بېرىپ، كالىكۇت (Calicut) قاتارلىق شەھەرلەرنى زىيارەت قىلغان. يەنە مۇزامبېكنىڭ دېڭىز بويىدىكى سوفالا (Sofala) غىچە بارغانلىقى ئېھتىمال. سەپەر جەريانىدا ھەرقايسى جايلاردا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى يوئاۋ Ⅱ گە يازما دوكلات قىلغان. تەخمىنەن 1490-يىلى ئېفىئوپىيىگە كېلىپ، ئۇلارنىڭ دوستانە كۈتۈۋېلىشى ۋە ئىشەنچىگە ئېرىشكەن، كېيىن شۇ دۆلەتتە قېرىپ ئۆلگەن. ئۇنىڭ ۋەتىنىگە ئەۋەتكەن دوكلادى داگامانىڭ 1498-يىلدىكى غەربىي ياۋروپادىن ھىندىستانغىچە بولغان دېڭىز يولىنى ئېچىشىدا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغان. 

كوئىسوكونئاكى

  • كوئىسوكونئاكى[يەشمىسى:]»(0591 - 0881) ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى (5491 - 4491)، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال ئارمىيىسى، ئۇرۇش جىنايەتچىسى. 1910-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن.1931-يىلى 8-ئايدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتى ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان، 1932-يىلى 2-ئايدا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان. 1932-يىلى 8-ئايدا كانتون ئارمىيىسىنىڭ سەنمۇجاڭى، قوشۇمچە ئالاھىدە ۋەزىپىلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1935-يىلى 12-ئايدىن 1938-يىلى 7-ئايغىچە چاۋشيەن ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1938-يىلى زاپاس ھەربىي قاتارىغا ئايرىلغان. 1939 - 1940-يىللاردا خىرانۇما، كومېچى ئىچكى كابىنېتلىرىنىڭ ئېچىش ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. 1942-يىلى 5-ئايدىن 1944-يىلى 7-ئايغىچە چاۋشيەننىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1944-يىلى 7-ئاي توزوئىكىدىن كېيىن ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلغان، ئىككىنچى يىلى 4-ئايدا ئىستېپا بەرگەن. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن «A» دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنغان. 1948-يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن. جازا ئۆتەش داۋامىدا كېسەل بولۇپ ئۆلگەن. «كاشىئوخۇڭزو» ناملىق تەرجىمىھالى يېزىلغان. 

كويبشوۋ

  • كويبشوۋ[يەشمىسى:]» (Валериан Владимирович Куйбышев، 5391 - 8881): سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئومىسكىدا ھەربىي ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1904-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. 1905-يىلىدىكى روسىيە ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 5191 - 6091-يىللىرى سىبىرىيە، پېتېربۇرگ قاتارلىق جايلاردا پارتىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە سۈرگۈن قىلىنغان. 7191 - 6191-يىللىرى سامارا (بۈگۈنكى كويبشوۋ) دىكى بولشېۋىكلار پارتىيىسى تەشكىلاتىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابى مەزگىلىدە سامارادا قوراللىق قوزغىلاڭ تەشكىللەپ، يەرلىك سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئالدىنقى سەپ قىسىملىرى سىياسىي كومىسسارى ۋە ئىنقىلابى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 3291 - 2291-يىللىرى رۇس كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرىتارى بولغان. 6291 - 3291-يىللىرى روسىيە كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشچى-دېھقانلار خەلق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سوۋېت خەلق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1926-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1927-يىلى ئىتتىپاق كوممۇنىستلار (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1930-يىلدىن باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى پىلان كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە خەلق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1934-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاق رىۋىزىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، خەلق كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى، ئەمگەك ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 

كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كرىزىسى

  • كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كرىزىسى[يەشمىسى:]» كارايىپ دېڭىزى كرىزىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كۇبادا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسى قۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن ئىختىلاپنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1962-يىلى 10-ئايدا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى رازۋېت قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى كۇباغا يۆتكەپ كىرىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىنى قۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان. 22-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كېننېدى كۇبانى قامال قىلىش قارارىنى جاكارلاپ، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنى ئىز قوغلاشقا ئەۋەتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى توشۇۋاتقان پاراخوتلىرىنىڭ كۇباغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان ھەمدە قورال كۈچى ئىشلىتىش تەھدىتىنى سېلىپ، تېگىپلا كەتسە ئۇرۇش پارتلايدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. 28-كۈنى ئامېرىكا، سوۋېت ئىككى تەرەپ كېلىشىم ئىمزالىغان، سوۋېت ئىتتىپاقى كۇبادا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىنى قۇرۇشنى توختاتقان. سوۋېت قوشۇنلىرى ۋە سوۋېتتە ياسالغان قوراللار چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىن، 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا كۇبانى قامال قىلىشنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىغان. 

كۇبا پادىشاھلىقى

  • كۇبا پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]» (Kuba ياكى Bakuba) كونگو (ھازىرقى زايىر) نىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدا ياشىغۇچى كۇبالار تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان دۆلەت. تەخمىنەن ⅩⅦ ئەسىردە قۇرۇلغان. ياغاچ ئويمىچىلىق سەنئىتى بىلەن داڭق چىقارغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ بېشىدا بېلگىيە تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 

كۇبا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى

  • كۇبا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى[يەشمىسى:]» 1895 - 1898-يىللىرىدىكى كۇبانىڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئۇرۇشى بولۇپ، 30 يىللىق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. 1895-يىلى 2-ئايدا، شەرقىي تەرەپتىكى ئورېنتى ئۆلكىسىدە زور كۆلەملىك قوراللىق قوزغىلاڭ پارتلىغان. 4-ئايدا مارتى بىلەن گومېز قوشۇن تارتىپ كۇبانىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىن قۇرۇقلۇققا چىققان ھەمدە سانتىياگوغا يېقىن جايدا ماسېئو رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن بىلەن ئۇچراشقان. 9-ئايدا مۇستەقىل كۇبا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 10-ئاينىڭ 22-كۈنى گومېز بىلەن ماسېئو قوشۇن تارتىپ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئارالنىڭ شەرقىي تەرىپىدىن «تېز سۈرئەتلىك ئۇرۇش» نى قانات يايدۇرۇپ ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، 1896-يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئارالنىڭ غەرب تەرىپىگە يېتىپ بارغان. ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 200 مىڭدىن ئارتۇق مۇنتىزىم ئەسكەر ئەۋەتىپ باستۇرغان ھەمدە پۈتكۈل ئارالدا «جازا لاگېر» لىرىنى قۇرغان. مارتى بىلەن ماسېئو ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 1895-يىلى 5-ئايدا ۋە 1896-يىلى 12-ئايدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان. ئۈچ يىل پىداكارلىق بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئارقىسىدا كۇبا خەلقى 1897-يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئازاد قىلىپ، ئىسپانىيىنى كۇبانىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا قوشۇلۇشقا مەجبۇر قىلغان. 1898-يىلى 4-ئايدا، ئىنقىلابىي ئۇرۇش دەل ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش پەيتىدە، ئامېرىكا ئىسپانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، كۇباغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 12-ئايدا، ئامېرىكا-ئىسپانىيە كېلىشىم ئىمزالاپ، كۇبا تەدرىجىي ھالدا ئامېرىكىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان.

كۇبا 30 يىللىق ئازادلىق ئۇرۇشى

  • كۇبا 30 يىللىق ئازادلىق ئۇرۇشى[يەشمىسى:]» 1868 - 1898-يىللىرى كۇبانىڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئازادلىق ئۇرۇشى. ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى باسقۇچى ئادەتتە 10 يىللىق ئۇرۇش. دەپ ئاتىلىدۇ (8781 - 8681). ئىككىنچى باسقۇچى ئومۇمەن «كىچىك ئۇرۇش» دەپ ئاتىلىدۇ (0881 - 9781). 1879-يىل 8-ئاينىڭ 25-كۈنى مارتى بىلەن ماسېئو قوزغىغان بولۇپ، قوزغىلاڭ شەرقىي قىسىمدىكى ئورېنتى ئۆلكىسىدىن غەربىي تەرەپتىكى ھەرقايسى جايلارغىچە كېڭەيگەن، تەييارلىقنىڭ پۇختا بولماسلىقى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى پەرق چوڭ بولغانلىقتىن، ئىسپانىيە قوشۇنلىرىنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، 1880-يىل 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇرۇش ئاياغلاشقان. ئۈچىنچى باسقۇچى ئادەتتە كۇبا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى دەپ ئاتىلىدۇ (8981 - 5981). «10 يىللىق ئۇرۇش»، «كۇبا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى» غا قارالسۇن. 

كۇپالا

  • كۇپالا[يەشمىسى:]» (Янка Купала، 2491 - 2881) بلوروسىيىلىك شائىر. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىۋان دومىنىكوۋىچ لۇت-سېۋىچ (Иван Доминикович Луцевич). ئىجارىكەش دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، كۆپ يىل قارا ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1905-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن.1908-يىلى ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «قومۇش نەي» نەشىردىن چىققاندا، شۇ زامان تەقىپ قىلىنغان. لېكىن ئۇ، يېزىقچىلىق بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان. شېئىرلار توپلىمى «سازەندە غوسىرى»، داستانى «قەدىمكى ناخشا»، درامىلىرى «بابلىنكا» ۋە «ئۇۋا بۇزۇش» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە باي-غوجاملارنىڭ كەيپ-ساپالىق تۇرمۇشىنى پاش قىلىپ، خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن يازغان داستانى — «ئ-ورشا دەرياسىدا»، شېئىرلار توپلىمى — «چىن قەلبىمدىن»، «قۇرۇلۇشقا مەدھىيە» لەردە، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە سوۋېت خەلقىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن. ۋەتەن ئۇرۇشى دەۋرىدە «بلوروسىيە پارتىزانلىرىغا»، «خەلق ئاتلاندى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، خەلقنىڭ نېمىس فاشىستلىرىغا بولغان ئۆچمەنلىكى، سوۋېت دۆلىتىگە بولغان مۇھەببىتىنى مەدھىيىلىگەن. 

كۇپرىن

  • كۇپرىن[يەشمىسى:]»(Александр Иванович Куприн، 8391 - 0781) روسىيىلىك يازغۇچى. ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ھەربىي تەييارلىق مەكتىپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئارمىيىدە خىزمەت قىلغان. 1894-يىلى ھەربىي سەپتىن بوشانغان. پرىستان ئىشچىسى، ئارتىس ۋە يەرلىك گېزىت مۇخبىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئۇ يازغان پوۋېست «ئەزرائىل» دا كاپىتالىستلارنىڭ ئىشچىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ سىتېخىيىلىك كۈرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن: «دوئىل» دا چار پادىشاھ ئارمىيىسىنىڭ چىرىكلىكى ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىيلىكىنى پاش قىلغان، «تۇزاق» («ياما» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) تا كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى پاھىشە ئاياللارنىڭ سەرگۈزەشتلىرى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ناتۇرالىزملىق تۈسكە ئىگە ئىدى. 1919-يىلى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىگە مۇھاجىر بولۇپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 1937-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كەلگەن. 

كۇتاھيا كېلىشىمى

  • كۇتاھيا كېلىشىمى[يەشمىسى:]»بىرىنچى قېتىملىق تۈركىيە-مىسىر ئۇرۇشىدىن كېيىن تۈركىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى. كۇتاھيا (Kutahya) شەھىرىدە ئىمزالانغان. بىرىنچى قېتىملىق تۈركىيە-مىسىر ئۇرۇشى ۋاقتىدا (3381 - 1381) مىسىر تۈركىيە پايتەختى ئىستانبولغا باستۇرۇپ كىرگەن، روسىيە ئەسكەر چىقىرىپ تۈركىيىگە ياردەملەشكەن. شۇنىڭ بىلەن مىسىر ھۇجۇمىنى توختاتقان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەنگلىيە، فرانسىيىلەر تۈركىيە بىلەن مىسىرنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى تېزرەك تۈزۈشكە مەجبۇرلىغان. 1833-يىلى كېلىشىم ئىمزالانغان. كېلىشىمدە: تۈركىيە مىسىر، سۈرىيە، پەلەستىن ۋە كىلىكىيە (Cilicia، تۈركىيىنىڭ ئاناتولىيە قىسمىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىخىي رايون) لەرنى مىسىر باش ۋالىيسى مۇھەممەد ئەلىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرىدۇ. مىسىر ئاناتولىيىدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدۇ ھەمدە تۈركىيە سۇلتانىنىڭ مىسىرغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. 

كۇتى پادىشاھلىقى

  • كۇتى پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]»ھىندونېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت (تەخمىنەن مىلادى Ⅵ-Ⅳ ئەسىرلەرگىچە). كالىمانتان ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كۇتى (Kutei) رايونىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. قۇرغۇچى-سى ئاسۋاۋارمان (Asvavarman)، ئاتىسىنىڭ ئىسمى كۇندۇن-گا (Kundunga). مىلادى 400-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاسۋاۋارماننىڭ ئوغلى مۇۋارمان راھىبلارغا يەر ۋە مىڭ كالا ھەدىيە قىلغان. مەزكۇر دۆلەت ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، سانسىكرىت يېزىقىنى ئىشلەتكەن. 

كۇجۇلا

  • كۇجۇلا[يەشمىسى:]»(Kujula Kadphises) يەنى كۇجۇلا كادفىسⅠ. كۇشانىيە پادىشاھلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 15 - تەخمىنەن 65-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان). ئەسلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇلۇغ توخرىيلارنىڭ بەش يابغۇسىنىڭ بىرى بولغان كۇشان يابغۇسى(قەبىلە ئاقساقىلى). تەخمىنەن مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى قالغان تۆت يابغۇلۇق (ۋاھان، سياماكا، پارۋان، كابۇل) نى يوقىتىپ، كۇشان پادىشاھلىقىنى قۇرغان. سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، جەنۇبتا كابۇل ۋادىسىنى ئېلىپ قەندىھار، زابولىستان (كەشمىر) لەرنى يوقاتقان. شۇنىڭدەك شىمالدىكى خارەزىممۇ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. كۇجۇلانىڭ دەۋرىدە سودا-سېتىق راۋاجلانغان بولۇپ، كۆپلىگەن يەرلەردىن ئۇ قۇيدۇرغان پۇللار تېپىلغان. 80 نەچچە يېشىدا ئۆلگەن بولۇپ، ئورنىغا ئوغلى ۋىما كاتىپسا ئولتۇرغان. 

كۇچىك خان

  • كۇچىك خان[يەشمىسى:]»(Mirza Kuchik Khan، تەخمىنەن 1291 - 8781) ئىران ئورمان ئارمىيىسىنىڭ يولباشچىسى. سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ ئىلاھىيەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1905 - 1911-يىللىرىدىكى ئىران بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئورمان ئارمىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، چارروسىيە ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسى ۋە پادىشاھ ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلغان. 1917-يىلى ئورمان ئارمىيىسى بەرپا قىلغان «ئىسلام ئىتتىپاقى» نىڭ باشلىقى بولغان. 1920-يىلى 6-ئايدا گېلان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە ھەربىي ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ باشلىقى بولغان. ئىران كومپارتىيىسى بىلەن ھەمكارلاشقان، بىراق يەر ئىنقىلابىغا قارشى تۇرغان. ئىنقىلابنىڭ چوڭقۇرلاپ بېرىشىدىن قورققان. شۇ يىلى 7- ئايدا ئىران كومپارتىيىسى سولچىل ئۇنسۇرلىرى ئۇنى ھۆكۈمەتتىن سىقىپ چىقارغان. 1921-يىلى 9-ئايدا ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئىنقىلابتىن يۈز ئۆرۈپ، كوممۇنىستلارنى قىرغىن قىلغان، جۇمھۇرىيەتنىڭ كۈچىنى زەئىپلەشتۈرگەن. شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئىران ھۆكۈمەت ئارمىيىسى قوغلاپ زەربە بېرىش داۋامىدا ئۆلتۈرۈلگەن. 

كۇرتىن

  • كۇرتىن[يەشمىسى:]» (Jonh Joseph Curtin، 5491 - 5881) ئاۋسترالىيە ئىتتىپاقىنىڭ زۇڭلىسى (5491 - 1491). ۋىكتورىيە شتاتىنىڭ كرېسۋىسنىك (Cresnick) دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئاۋسترالىيە لىبورىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 5191 - 1191-يىللىرى ۋىكتورىيە ياغاچ ماتېرىياللىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سېكرىتارى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ۋىليام خۇگېس ھۆكۈمىتى يولغا قويغان ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمىگە قارشى تۇرغان. 1928-يىلى ئىتتىپاق پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 5491 - 5391-يىللىرى لىبورىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا، ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىش، ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشنى تەشەببۇس قىلغان. ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 1943-يىلى ماكارتۇرنى ئاۋسترالىيىگە زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى كۈچىنىڭ بارىچە پاراۋانلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئاۋسترالىيىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن. 

كۇردىستان قوزغىلىڭى

  • كۇردىستان قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]» 1922-يىلى ئىراندىكى كۇردلار مىللىي زۇلۇمغا قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلاڭ. 1921-يىلى رىزا شاھ پەھلىۋى ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەملىكەت ئىچىدە ھەرقايسى قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇشنى يولغا قويغان، ئۇنىڭ بۇ سىياسىتى كۆچمەن قەبىلە خانلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1922-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كۇردىستاندا قوزغىلاڭ پارتلىغان. كۇردلار ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان، ھەتتا مۇستەقىل كۇردىستان قۇرۇش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كەڭ كۇرد خەلقى قوزغىلاڭغا قاتناشقان. قوزغىلاڭ داۋامىدا بەزى كۇرد خانلىرى ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ مۇددىئاسىغا يېتىش كويىدا بولغان. شۇ يىلى 8-ئايدا رىزا شاھنىڭ قوشۇنلىرى كۇردلارنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.

كۇرزون

  • كۇرزون[يەشمىسى:]»(George Nathaniel Curzon، 5291 - 9581)، ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى. ھىندىستان ئىشلىرى مۇئاۋىن ئەمەلدارى، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى بولغان. 5091 - 8981-يىللاردا ھىندىستان باش ۋالىيسى بولۇپ، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىي چېگرا رايونىدىكى مىللىي قوزغىلاڭنى باستۇرغان ھەمدە ھىندىستاندىكى مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنى كۈچەيتكەن. 1919 - 1924-يىللاردا تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان ۋە سوۋېت روسىيىسىگە قوراللىق مۇداخىلە قىلىشنى پىلانلاشقا قاتناشقان. 1920-يىلى سوۋېت روسىيىسىنىڭ قىزىل ئارمىيىسى پولشا ئارمىيىسىگە قايتۇرما زەربە بەرگەن چاغدا، كۇرزون سىزىقىنى سوۋېت روسىيىسى بىلەن پولشانىڭ ئۇرۇش توختىتىش سىزىقى قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ كۈچىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلىشى ئارقىسىدا، 1923-يىلى ئەنگلىيە سوۋېت روسىيىسى ھۆكۈمىتىگە ئۇلتىماتوم تاپشۇرغان ھەمدە شۇ يىلى سوۋېت روسىيىسى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ بارون، گراف، ماركىز ئۇنۋانى بېرىلگەن. «روسىيە ئوتتۇرا ئاسىيادا»، «پېرسىيە ۋە پېرسىيە مەسىلىسى»، «يىراق شەرق مەسىلىسى»، «داشۆ ئىسلاھاتىنىڭ پرىنسىپلىرى ۋە ئۇسۇللىرى» دېگەن ئەسەرلىرى بار. 

كۇرزون سىزىقى

  • كۇرزون سىزىقى[يەشمىسى:]» كۇرزون سوۋېت روسىيىسى بىلەن پولشاغا تەشەببۇس قىلغان ئۇرۇش توختىتىش سىزىقى. 1919-يىل 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي كومىتېتى پارىژ سۈلھ يىغىنىدا قارار ماقۇللاپ، پولشا دۆلىتىنى يېڭىباشتىن قۇرۇشقا قوشۇلغان ھەمدە «سابىق چارروسىيە زېمىنى» دىن روسىيە بىلەن پولشا ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىتلىق چېگرا سىزىقى يەنى گرودنو، برىست، خىروبىشوۋ، پرمىشىللارنى بويلاپ كارپات تېغىغا بارىدىغان سىزىقنى سىزىپ چىققان. 1920-يىل 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، سوۋېت روسىيىسىنىڭ قىزىل ئارمىيىسى پولشانىڭ مۇداخىلىچى ئارمىيىسىنى چېكىندۈرگەن چاغدا، ئەنگلىيىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كۇرزون ئانتانتا دۆلەتلىرىگە ۋەكالىتەن سوۋېت روسىيىسىگە نوتا تاپشۇرۇپ، ئۇرۇش توختىتىشنى، ئۇرۇش توختىتىش سىزىقىنىڭ ئاساسەن پارىژ سۈلھ يىغىنىنىڭ قارارىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىق چېگرا سىزىقى بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ ئۇرۇش توختىتىش سىزىقى «كۇرزون سىزىقى» دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، قىرىم يىغىنى قارار ماقۇللاپ، پولشانىڭ شەرقىي قىسىم چېگرىسىنى كۇرزون سىزىقى بويىچە بېكىتىش، ئەمما بەزى رايونلاردا 8 - 5 كىلومېتر سۈرۈپ، ئۇنى پولشاغا بېرىشنى بەلگىلىگەن. 1945-يىل 8-ئاينىڭ 16-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن پولشا ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرىسىنى كۇرزون سىزىقى ئاساسىدا ئايرىشنى بېكىتكەن. 

كۇرۇ

  • كۇرۇ[يەشمىسى:]»(Kuru) ھىندىستاندىكى قەدىمكى دۆلەت. گانگ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىردە ئۆتكەن پادىشاھ پارىكست تەرىپىدىن قۇرۇلغان. پايتەختى خاستىناپورا (پىل شەھىرى). پادىشاھ پارىكست ناگاسلارنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە قازا تاپقان، ئۇنىڭ ئوغلى جانامېجايا تەختكە چىقىپ، «ئۇلۇغ پادىشاھ» (Samerat) دەپ ئاتالغان، قەندىھار دۆلىتىنىڭ تاكساسىلا شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ، ناگاسلارنى قىرغىن قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن كۇرۇ ئىككى بۆلەككە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بىر بۆلىكى ئوتتۇرا (Uttura) دەپ ئاتالغان، يەنە بىر بۆلىكى داكشىن-ا (Dakshina) دەپ ئاتالغان. كېيىن پادىشاھ جانامېجايادىن نىچاكشۇ (Nichakshu) دەۋرىگىچە بولغان ئارىلىقتا، پىل شەھىرى گانگ دەرياسى تاشقىنىدا سۇغا غەرق بولغان. ئاھالىلىرى شەرقتىكى باسا دۆلىتىگە كۆچۈپ بارغان (باسا دۆلىتى بىلەن كۇرۇپراخبا مىللىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان)، پايتەختى كوشاڭمى. يەنە بىر بۆلىكى پادىشاھ جانامېجايانىڭ ئىنىس-ى كاكشاسېنا (Kakshasena) تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ، ئىندراپراستخا (Indraprastha، ھازىرقى دېھلى ئەتراپىدا) نى پايتەخت قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كېيىنكى ۋاقىتلاردا تازا روناق تاپقان. بۇددا دىنى دەۋرىگىچە كۇرۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى مۇھىملىقىنى يوقاتقان. 

كۇروپاتكىن

  • كۇروپاتكىن[يەشمىسى:]» (Алексей Николаевич Куропаткин، 5291 - 8481) روسىيىلىك گېنېرال پولكوۋنىك. باش شتاب ھەربىي ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1866 - 1871 ۋە 7781 - 5781-يىللىرى تۈركىستان ھەربىي رايونىدا خىزمەت ئۆتەپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى تالان-تاراج قىلىش ئۇرۇشىغا ئاكتىپ قاتناشقان. روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى (8781 - 7781) مەزگىلىدە شتاب ئوفىتسېرى بولغان، كېيىن باش شتابتا ئۇزۇن ۋاقىت(0981 - 3881)ۋەزىپە ئۆتىگەن. 5091 - 8981-يىللىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان، ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى (5091 - 4091) مەزگىلىدە مانجۇرىيىدىكى روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ۋە يىراق شەرق روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. شېنياڭ جېڭىدە (1905-يىل مارت) مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان، ئۇزۇن ئۆتمەي دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىمال ئۇرۇش سېپىگە قوماندانلىق قىلىپ مەغلۇپ بولغان. 1916-يىلى تۈركىستاننىڭ باش ۋالىيسى بولۇپ تۇرغاندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلق قوزغىلىڭىنى دەھشەتلىك باستۇرغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن. كېيىن سەھرادا پىنھان ياشاپ ئۆلۈپ كەتكەن. 

كۇرۇس

  • كۇرۇس[يەشمىسى:]» (Kurush ياكى Kyros ياكى Cyrus، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 925 - 006) يەنى كۇرۇس Ⅱ (ئىمپېراتور). قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 855 - 925) ئاخمېنىدلار (Achaemenidae) نەسەبىدىن كېلىپ چىققان. مىلادىدىن 550 يىل ئىلگىرى، قوشۇن تارتىپ مېدىيە پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ ئاخمېنىدلار سۇلالىسىنى (پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ باشلىنىشى) قۇرغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللىرىدە ئىستېلا قىلىش ۋە كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويغان، مىلادىدىن 546 يىل ئىلگىرى كىچىك ئاسىياغا تاجاۋۇز قىلىپ، لۇدىيىنى يوقاتقان ھەمدە پادىشاھ كىروئىنىڭ كۆپلىگەن مال-دۇنياسىنى تارتىۋالغان، يۇناننىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھەر دۆلەتلىرىنى بويسۇندۇرغان. مىلادىدىن 538 يىل ئىلگىرى بابىلون شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، يېڭى بابىلون پادىشاھلىقىنى يوقاتقان؛ «بابىلون تۇتقۇنلىرى» نى قويۇۋېتىپ، ئۇلارنى پەلەستىنگە قايتۇرغان. ئۇنىڭ تېررىتورىيىسى شەرقتە ئىران ئېگىزلىكىدىن باشلىنىپ، غەربتە كىچىك ئاسىياغىچە بولغان كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يەنە ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلىپ باكتېرىيە، سوغدى قاتارلىق جايلارنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان، كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە ماسساگېتلارغا (Massagetae) قارشى ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن. پادىشاھلىق تەختكە ئۇنىڭ ئوغلى كامبېس ۋارىسلىق قىلغان. 

كۇرىسىك جېڭى

  • كۇرىسىك جېڭى[يەشمىسى:]»سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەتەن ئۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ جەڭلەرنىڭ بىرى. 1943-يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، فاشىست گېرمانىيىسى 500 نەچچە مىڭ كىشىلىك ئۈچ گۇرۇپپىۋىي كورپۇس ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ، ئورېل (Орел) ۋە بېلگورود (Белгород) دىن ھۇجۇم قىلىپ كۇرىسىكتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنى يوقىتىپ، موسكۋاغا ھۇجۇم قىلىدىغان يولنى ئاچماقچى بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى بىر ھەپتىلىك مۇداپىئە ئۇرۇشى ئارقىلىق كۆپلىگەن گېرمانىيە ئارمىيىسىنى يوقاتقان، 7-ئاينىڭ 12-كۈنى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. شۇ كۈنى پروخوروۋكا (Прохоровка) رايونىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىدا كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان تانكا جېڭى ئېلىپ بېرىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئورېل ۋە بېلگورودنىمۇ ئىشغال قىلغان. 23-كۈنى خاركوۋنى قايتۇرۇۋالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئۇرۇشنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى پۈتۈنلەي ئىگىلىگەن.

كۇرىيە يىغى-نى

  • كۇرىيە يىغى-نى[يەشمىسى:]» (Comittia Suriata) يەنى چوڭ ئۇرۇقداش ياكى پراتىرىيە كېڭەشمىسى. قەدىمكى رىمدىكى پۇقرالار يىغىنىنىڭ بىرى. بۇ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ-Ⅵ ئەسىرلەردىكى پادىشاھ ھاكىمىيىتى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن. ھەربىر كۇرىيە (Curia، يەنى چوڭ ئۇرۇق ياكى پىراتىرىيە) ئون ئۇرۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئەينى زاماندا رىمدا جەمئىي 30 كۇرىيە بولغان. يىغىننى رېكس (Rex «پادىشاھ») چاقىرغان، ياش-قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر قاتناشقان، كۇرىيىلەر بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان. ئېھتىمال ھەربىر كۇرىيە يەنە ئۇرۇقلار بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەن بولسا كېرەك؛ بىراق قارارنى ماقۇللاشتا 30 كۇرىيىنىڭ ھەربىرى بىرلا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. يىغىن ئۇرۇش قىلىشنى بەلگىلەش، ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى (پادىشاھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) سايلاپ چىقىش، قانۇن، ئەمىر-پەرمانلارنى ماقۇللاش ياكى رەت قىلىش، چوڭ ئەنزىلەرنى سوت قىلىشتىن ئىبارەت ھوقۇقلارغا ئىگە بولغان. ئۇرۇق قانداشلىق مۇناسىۋەتلىرى ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى سېرىتۇللې ئىسلاھاتى مەزگىلىدە، مال-مۈلۈك سالاھىيىتىنى بەلگە قىلغان. سىنتورىيە يىغىنى (يۈز كىشىلىك ئۆمەك يىغىنى) تەسىس قىلىنىپ، كۇرىيە يىغىنىنىڭ ئورنىدا ئەمەلىي ھوقۇقنى ئىگىلىگەن، كېيىنكىسى جۇمھۇرىيەت دەۋرىگە كەلگەندە پەقەت دىنىي جەھەتتىكى فۇنكسىيىنىلا ساقلاپ قالغان. 

كۇزا

  • كۇزا[يەشمىسى:]» (Alexandruloan Cuza، 3781 - 0281) مولدوۋا بىلەن ۋالاخىيە بىرلەشمە كىنەزلىكىنىڭ كىنەزى (2681 - 9581)، رۇمىنىيە كىنەزى (6681 - 2681). مولدوۋادىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پارىژ، پاۋىيە، بولۇنىيىلەردە ئوقۇغان. 1848-يىلىدىكى ئىنقىلابقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مولدوۋا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان. 1850-يىلى قايتىپ كېلىپ، مولدوۋا بىلەن ۋالاخىيىدىن ئىبارەت ئىككى كىنەزلىكنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان. 1859-يىل 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋە 24-كۈنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى كىنەزلىكنىڭ كىنەزى قىلىپ سايلانغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن ھەرخىل ئىسلاھات بىلەن شۇغۇللانغان. 1862-يىلى مولدوۋا كىنەزلىكى بىلەن ۋالاخىيە كىنەزلىكلىرىنى رومىنىيە كىنەزلىكىگە بىرلەشتۈرگەن. چېركاۋنىڭ يەرلىرىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋالغان. يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلغان، سايلىغۇچىلارنىڭ ياش ۋە مال-مۈلۈك سالاھىيەت چەكلىمىسىنى تۆۋەنلەتكەن، كاپىتالىزم تەرەققىياتىنى ئىلگىرىلەتكەن. سىرتقا قارىتا ۋېنگرىيە، پولشا ئىنقىلابىي مۇساپىرلار تەشكىلاتلىرى ۋە بالقان يېرىم ئارىلى ئازادلىق ھەرىكىتى بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ كەلگەن. 1866-يىلى 2-ئايدا «نورۇز ئىتتىپاقى» سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان، كېيىن گېرمانىيىنىڭ گېدېلبېرگدا ۋاپات بولغان. 

كۇزۇخارا جەمەتى

  • كۇزۇخارا جەمەتى[يەشمىسى:]»ياپونىيىدىكى ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى. قەدىمكى زاماندا گېن، تايرا، كىتسۇ بىلەن بىللە تۆت چوڭ فامىلە دەپ ئاتالغان. ناكاتسۇئومى كاماتارى تايكا ئىسلاھاتىغا قاتنىشىپ تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن مىلادى 669-يىلى ۋاپات بولۇش ئالدىدا تېننو تېنجى (176 - 626) ئۇنىڭغا كوزۇخارا فامىلىسىنى ئىنئام قىلغان، ئۇ كۇزۇخارا جەمەتىنىڭ ئەجدادى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى فۇبىدىن (027 - 956) نىڭ بۇ فامىلىگە ۋارىسلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان. فۇبىدىن ئۆزىنىڭ قىزى خىكارى ئاكىكونى تېننو شىنۋۇنىڭ خانىشى قىلىش ئۈچۈن ئوردىغا كىرگۈزگەن. ئۇنىڭ تۆت ئوغلى تۆت جەمەتكە بۆلۈنگەن. تاكىچى مارو (737 - 086) مىنامى جەمەتىنىڭ ئەجدادى، فۇساساكى (737 - 186) كىتا جەمەتىنىڭ ئەجدادى، ئۇماكاي (737 - 496) شىكى جەمەتىنىڭ ئەجدادى، مارو (695 - 737) كانا جىرى جەمەتىنىڭ ئەجدادى بولغان. مىنامى جەمەتىدىن ناكامارو (467 - 607) تېننو شياۋچيەننىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن چوڭ ھوقۇقنى ئۆزى قولىغا ئالغان. كېيىن ئاسىيلىق قىلىش كويىدا بولۇپ، شىكى جەمەتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. شىكى جەمەتىدىن خىروتسۇگۇ (؟ 047 -) توپىلاڭدا ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئىنىسى يوشتىسۇگۇ (716 - 777) بىلەن موموكاۋا(732 — 779) متىسوخىتونى تېننو(709 — 781) قىلىپ تىكلەشتە خىزمەت كۆرسەتكەن بولسىمۇ، تۈرلۈك ۋەقەلەر بىلەن چېتىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن زاۋالغا يۈز تۇتقان. كانا جىرى جەمەتىمۇ روناق تاپالمىغان. كىتا جەمەتىدىن فويۇتسۇگى (628 - 577) سول قول ۋەزىر بولۇپ، كۇزۇخارا جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلىنىپ قالغان. ئىتارو موتۇتسونى (198 - 638) نائىبلىق قىلغان. ئۇنىڭ ھوقۇقى گۇەنبېينىڭكىگە ئوخشاش بولغان. بۇ مەزگىلدە، ئىچكى قىسىمدا ھوقۇق تالىشىش بولغان. مەسىلەن، كانېمىچى بىلەن كانېئىي ئوتتۇرىسىدىكى تالاش ۋە مىچىناگا، مىچىكانى بىلەن كورېچىكا ئوتتۇرىسىدىكى تالاش قاتارلىقلار. مىچىناگا (7201 - 669) بىلەن يورىمىچى (4701 - 299) ئاتا-بالا ئىككىسى ھوقۇقنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزگەندە بەك ئەدەب كەتكەن. كېيىن تېننو سانجۇ (1068- 1071) يورىمىچى بىلەن نورىمىچى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، گېن موروفۇسا (؟ 7701 -) نى سول قول ۋەزىرلىككە ئۆستۈرۈپ، قورۇقلارنى تەرتىپكە سالغانلىقتىن كۇزۇخارا جەمەتىنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى تەۋرىنىپ قالغان. پادىشاھلىق ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە كۈچى ئاجىزلاشقان. كېيىن كانېسانې (7021 - 9411)، موتومىچى (3321 - 0611) دىن ئىبارەت ئىككى تارماققا بۆلۈنگەن. كانېسانىدىن كېيىن كۇجۇ، نىجۇ ۋە ئىچىجۇدىن ئىبارەت ئۈچ جەمەتكە بۆلۈنگەن؛ موتۇمىچىدىن كېيىنمۇ كۇنۇي بىلەن يېڭىسىدىن ئىبارەت ئىككى جەمەتكە بۆلۈنگەن. بۇلار قوشۇلۇپ بەش نائىب جەمەت دەپ ئاتالغان، ھەمىشە نائىبلىق قىلغان. مىنچى يىللىرىدا كىنەز دېگەن مەرتىۋە بېرىلگەن. مەرتىۋىسى 1947-يىلىغا بارغاندا بىكار قىلىنغان، ئاقسۆڭەك ئورنىمۇ شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشقان. يەنە بىرمۇنچە تارماق جەمەتلەرمۇ كۇزۇخارا فامىلىسىنى قوللانغان، ئۆزىنى كۇزۇخارا دېگۈچىلەرمۇ بولغان. ئۇلارنىڭ ئورنى ئوخشاش ئەمەس، ناھايىتى كەڭ تارقالغان. 

كۇزۇخارا شىنىۋۇ

  • كۇزۇخارا شىنىۋۇ[يەشمىسى:]»(9161 - 1651) ياپونىيە يېغىلىق دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلى ۋە ئېدو دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئالىم. بومۇ (بۈگۈنكى خېگو ناھىيىسى) دە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا راھىب بولغان. كيوتودا تۇرغاندا جۇشى ئىلمىنى ئۆگەنگەن، چىن-جۇ ئىلمىي، لۇ-ۋاڭ ئىلمى ئېقىمىنىمۇ ھۈرمەتلىگەن. ئىلاھىيەت بىلەن كۇڭزىچىلارنىڭ بىردەك بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان، بىراق بۇددا دىنىنى چەتكە قاقمىغان. كەڭ دائىرىدە دوست تۇتقان، ئاقسۆڭەك، فېئودال خوجىدارلار بىلەنمۇ ئالاقىلەشكەن. ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ناھايىتى كۆپ. بۇلارنىڭ ئىچىدە لىن لوشەن، ماتسۇناگا سېكىگو(1657- 1592)، ناباخۇسۇ (8461 - 5951)، چوشېڭئەن (2461 - 5851) كۇزۇخارا جەمەتىدىكى تۆت خان دەپ ئاتالغان. كېيىنكىلەر ئۇنى ياپونىيىدىكى كۇڭزى ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى دەپ كۆرسەتكەن. «تۆت كىتاب، بەش دەستۇر ھەققىدە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. 

كۇساكا گېنمىزو

  • كۇساكا گېنمىزو[يەشمىسى:]»(4681 - 0481) ياپونىيە توكوگاۋا شوگونلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، پادىشاھنى ھۈرمەتلەپ چەت ئەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش تەرەپدارى. ئىسمى مىچىتاكې، تەخەللۇسى گېنمىزو، 17 ياش ۋاقتىدا كىچىتاماتسۇ يېندىن تەلىم ئالغان. تاگاسۇگى شىنساكۇ بىلەن بىللە ماتسۇشتا يېزا مەكتىپىدىكى بىر جۈپ قاشتاش مۇنچاق دەپ ئاتالغان. 1861-يىلى ناگاي ئاكىرا (3681 - 9181) نىڭ «دېڭىز قاتنىشى ستراتېگىيىسى» گە قارشى تۇرۇپ، پادىشاھنى ھۈرمەتلەپ، چەت ئەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1862-يىلى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىغا ئوت قويۇش، كىئوتوغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاش ئىشلىرىغا قاتناشقان. 1863-يىلى پايتەختكە بېرىپ، پادىشاھنى چەت ئەللىكلەرگە قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتكەن. سىمۇنوسېكىغا قايتقاندىن كېيىن چەت ئەللىكلەرنىڭ پاراخوت كېمىلىرىنى توپقا تۇتۇش ئىشىغا قاتناشقان. 1864-يىلى ساناگى ياسۇئۇمى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە ناگاسۇ ۋاسساللىقىدىكى قىسىملارنى باشلاپ كىئوتوغا يۈرۈش قىلغان. ئوردا ئۆزگىرىشىدە يارىدار بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. «جياڭيۆزەي قەسىرىسى خاتىرىلىرى» دېگەن ئەسەرنى يازغان. 

كۇسكۇ

  • كۇسكۇ[يەشمىسى:]»ئىنكا ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى. ھازىرقى پېرۇنىڭ كۇسكۇ (Cuzko) شەھىرى. بۇ شەھەر پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئىنكا تاش قۇرۇلۇشى ئاساسىغا سېلىنغان بولۇپ، ئۆي-ئىمارەت، كوچىلىرى قاتارلىقلاردا ھېلىمۇ ئىنكالارنىڭ بىناكارلىق ئىزلىرى ساقلانغان. بىنالارنىڭ ھەممىسى چوڭ-چوڭ كۆپ بۇلۇڭلۇق تاشلار بىلەن قوپۇرۇلغان. چوڭ قورام تاشتىن يونۇپ چىقىلغان تاملار پۇختا بولۇپلا قالماي بەلكى ئۇ شۇنداق ھىم قوپۇرۇلغانكى ئۇنىڭ ئارىلىقىغا نېپىز تىغنىمۇ كىرگۈزۈش مۇمكىن ئەمەس. چوڭ چېركاۋ ئىگىلىگەن ئىنكا تاش تاملىرىنىڭ چېكىنى قول بىلەن سىيلاپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ، بۇت ئىنكالىقلارنىڭ تاش بىناكارلىقىدىكى يۈكسەك تېخنىكىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. خاتىرىلىنىشىچە ئىنكا پايتەختى 12 رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شەھەرنىڭ مەركىزىدە بىرمەيدان بولۇپ، دىنىي مۇراسىم ۋە تەنتەنە قىلىش سورۇنى بولغان. پادىشاھ ئوردىسى، قۇياش تەڭرىسى ئىبادەتخانىسى، موناستىر، زەردار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قورۇ-جايلىرى قاتارلىق ئاساسلىق ئىمارەتلەر پۇماپ-چۇپان (Chupan-Pumap) رايونىغا مەركەزلەشكەن، بەزى قۇرۇلۇشلار ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئىنتايىن سەلتەنەتلىك. بۇلار، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان. 

كۇفۇ

  • كۇفۇ[يەشمىسى:]» (Khufu) قەدىمكى گرېكلار چېئوپىس (Cheops) دەپ ئاتىغان. قەدىمكى مىسىرنىڭ تۆتىنچى سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋنى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 2566 - 2589) تەختتىكى مەزگىلدە نۇبىيە ۋە سىناي يېرىم ئارىلىغا جازا يۈرۈشى قىلىپ، ئۇ يەردىن ئالتۇن، مىس كان مەھسۇلاتلىرى ۋە قۇللارنى بۇلاپ-تالىغان. بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئەڭ چوڭ ئەلئېھرام ياساتقان، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 5.146 مېتر (ھازىر 9 مېتر ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن)، ئاستىنىڭ ھەر تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 230 مېتر، ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 52900 كۋادرات مېتر بولۇپ، تا ھازىرغىچە قاھىرەنىڭ يېنىدىكى گىزا (Giza) دېگەن جايدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. قەدىمكى يۇنان تارىخچىسى ھېرودوتنىڭ خاتىرىلىشىچە، كۇفۇنىڭ ياساتقان ئەلئېھرامىغا 30 يىل ۋاقىت كەتكەن ھەمدە ھەددى ھېسابسىز چىقىم سەرپ قىلىنغان بولۇپ، دۆلەت خەزىنىسى قۇرۇقدىلىنىپ، خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقى قوزغالغان. 

كۇكۇتېنى مەدەنىيىتى

  • كۇكۇتېنى مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]» ياۋروپانىڭ شەرقىي رايونىدىكى يېڭى تاش قورال دەۋرىگە ئائىت بىرخىل مەدەنىيەت. دەسلەپتە رومىنىيىنىڭ ياسى (Iasi) شەھىرىنىڭ غەربىي قىسمىغا 60 كىلومېتر كېلىدىغان كۇكۇتېنى (Cucuteni) كەنتىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. خارابە ئومۇمەن ئېگىزلىككە جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپىنى بىر ياكى ئىككى خەندەك ئوراپ تۇرغان، ئۆيلىرى يۇمىلاق ياكى قاتار شەكىلدە، پۇختا، رەتلىك ياسالغان. كۇكۇتېنى خارابىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئىككى قاتلىمىدا مەدەنىيەت بولۇپ، تۆۋەن قاتلىمى يېڭى تاش قورال دەۋرى مەدەنىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەردىن كۆپلىگەن تاش قوراللار قېزىۋېلىنغاندىن باشقا يەنە مىس قوراللارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. تىپىك سايمانلاردىن گۈللۈك ساپال قاچا بولۇپ، قوڭۇر، قىزىل، قارا قاتارلىق رەڭلىك سىزىقچىلىرى بار، بۇرمىسىمان ۋە ئەگرى سىزىقچىلار كۆپرەك بولۇپ بەكمۇ رەڭدار. باسما سىزىق، ئويما سىزىق بىلەن زىننەتلەنگەنلىرىمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاياللارنىڭ ساپال ھەيكىلى ۋە سۆڭەكتىن ياسىغان ھەر خىل بۇيۇملار بار. كۇكۇتېنى مەدەنىيىتى ترىپولى مەدەنىيىتى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. 

كۇكۇلېۋىچ-ساكىسنىسكى

  • كۇكۇلېۋىچ-ساكىسنىسكى[يەشمىسى:]»(Ivan Kukuljevic Sakcinski، 9881 - 6181) خورۋات يازغۇچىسى ۋە تارىخشۇناسى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئىللىرىيە ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1848-يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن «خەلق جەۋھىرى» تەشكىلاتىنى بەرپا قىلغان. پراگادا چاقىرىلغان سىلاۋيانلار قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭ تەشەببۇسچىسى بولغان. كېيىن سىياسىي پائالىيەتتىن بىر مەھەل قول ئۈزگەن. 1863-يىلى ئاۋسترىيىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان خەلق پارتىيىسىنى قۇرغان. 1850-يىلى يۇگوسلاۋىيە تارىخ جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، «يۇگوسلاۋىيە تارىخ ئارخىپى» يىللىق مەجمۇئەسىنى تارقاتقان. تۇن-جى قېتىم ⅩⅢ ئەسىردىن ⅩⅧ ئەسىرگىچە بولغان يۇگوسلاۋىيىلىكلەرنىڭ تارىخى يىلنامىسى ۋە Ⅸ ئەسىردىن ⅩⅨ ئەسىرگىچە بولغان قانۇن ھۈججەتلىرى قاتارلىقلارنى نەشىر قىلىشقا كىرىشكەن. ئۇنىڭ «كرودىيىنىڭ موڭغۇللار ۋە تاتارلار بىلەن بولغان كۈرىشى» دېگەن ئەسىرى بار، ئۇ يەنە «كرودىيىنىڭ ئەسەرلىرى كاتالوگى» نى تۈزگەن.

كۇگېلمان

  • كۇگېلمان[يەشمىسى:]» (Ludwig Kugelmann، 1830 — 1902) گېرمانىيىلىك دوختۇر. ماركس، ئېنگېلسنىڭ يېقىن دوستى. 1848 — 1849-يىللاردىكى گېرمانىيە ئىنقىلابىغا قاتناشقۇچى. 1864-يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا كىرگەن. 1867-ۋە 1872-يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ لۇزاننا ۋە گائاگا قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1862 — 1874-يىللىرى لوندوندا تۇرۇۋاتقان ماركس بىلەن داۋاملىق خەت-ئالاقە قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىدىن ماركسنى خەۋەردار قىلىپ تۇرغان. ئۇ ماركسنى قەدىرلەپ، ئۆزىنى ماركسىزمچى دەپ ئاتىغان، بىراق پرولېتارىيات ئىنقىلابىنى ياقتۇرماي، نوقۇل ئىسلاھاتچىلىق ئۇسۇلى بىلەن سوتسىيالىزم غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان.

كۇماراجىۋا

  • كۇماراجىۋا[يەشمىسى:]»(Kumarajiva، 350 — 409)مەنا تەرجىمىسى «ئاخىرەتلىك ئوغۇل» دېگەن مەنىدە بولۇپ، قىسقىچە «راجىۋا» ياكى «جىۋا» دەپ ئاتىغان. كېيىنكى چىن دەۋرىدە ئۆتكەن راھىب. ئۇنىڭ ئاتىسى ھىندىستانلىق، ئانىسى كۈسەنلىك. ئۆزى كۈسەندە (ھازىرقى كۇچا ئەتراپى) تۇغۇلغان. يەتتە يېشىدىن تارتىپ راھىب بولۇپ، دەسلەپ ھىنايانا تەلىماتىنى، كېيىن ماھايانا تەلىماتىنى ئۆگەنگەن. غەربىي يۇرتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كەزگەن. مىلادى 401-يىلى (كېيىنكى چىن پادىشاھلىقى خوڭشى 3-يىلى)، كېيىنكى چىن پادىشاھى ياۋشىن ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى چاڭئەنگە ئالدۇرۇپ كەلگەن. كۇماراجىۋا پادىشاھ ياۋشىننىڭ قوللىشى بىلەن مۇرىتى سىڭجاۋ قاتارلىق 800 دىن كۆپرەك ئادەمنى تەشكىللەپ بۇددىزمنىڭ «ماخاپراجنا پارامىتا سۇترا»، «پىرادىئانا سار دارماپوندارىكا-سۇترا»،«ئىتىكاپ دارما»،«ساتاساسترا»— قاتارلىق جەمئىي 74 قىسىملىق نوم-سۇترالىرىنى تەرجىمە قىلىپ چىققان. ئۇ ماھايانا بۇددىزمى ئىچىدىكى ناگارجونانىڭ تەلىماتىنى سىستېمىلىق تونۇشتۇرغان.

كۇمې كونتاكې

  • كۇمې كونتاكې[يەشمىسى:]»(1839— 1931) ياپونىيىلىك تارىخشۇناس، ئەدەبىيات دوكتۇرى. ساگا ۋاسساللىقىنىڭ سامۇراي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ۋاسساللىق مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1871-يىلى ئىۋاكۇرا تومۇمى بىلەن بىرگە زىيارەت ئۈچۈن چەت ئەلگە چىققان. 1879-يىلى سالنامە سارىيىنىڭ باشلىقى بولۇپ، «بۈيۈك ياپونىيە يىلنامىسى» نى تۈزۈشكە قاتناشقان. 1888-يىلى ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ پروفېسسورى، قوشۇمچە يىلنامە تۈزۈش ھەيئەت ئەزاسى بولغان. شىگېنوسادا قاتارلىقلار بىلەن بىللە «دۆلەت تارىخى» نى تۈزۈش خىزمىتى بىلەن پائال شۇ-غۇللانغان. 1891-يىلى «تارىخ ئىلمىي ژۇر-نىلى» دا «ئىلاھى مەزھىپىنىڭ تەڭرىگە نەزىر-چىراغ قىلىش ئادەتلىرى» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ، ئىلاھىيەت ساھەسى بىلەن دۆلەتپەرەس ئالىملارنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرىغان. كېيىن ۋاسىدا داشۆسىدە قەدىمكى زامان ئەسەرلەر ۋە ياپونىيىنىڭ قەدىمكى تارىخىدىن دەرس بەرگەن. ئوكۇم شىگنوبۇگاغا ياردەملىشىپ «دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىنكى 50يىللىق تارىخ» نى تۈزگەن.«قەدىمكى ئەسەرلەر لېكسىيىسى»، «بۈيۈك ياپونىيە دەۋرى تارىخى»، «نابېسمانا ئوماسا تەرجىمىھالى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

كۇن

  • كۇن[يەشمىسى:]»(Kun Bela، 1886 — 1939) ۋېنگرىيە كومپارتىيىسىگە ئاساس سالغۇچى. يېزا كاتىپى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1902-يىلى ۋېنگرىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە كىرگەن، بۇداپېشت ستۇدېنتلىرى ئىچىدە ئىنقىلابىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان. 1916-يىلى ئەسىرگە چۈشۈپ، روسىيىگە ئېلىپ كېلىنگەن، شۇ يىلى تومىسكىدا روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) گە قاتناشقان. ئۇرۇش ئەسىرلىرى ئارىسىدا ئىنقىلابىي تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. 1917-يىلى، روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابى ۋە سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قوغداش كۈرىشىگە پائال قاتناشقان. 1918-يىلى 3-ئايدا، سوۋېت روسىيىسىدە ۋېنگرىيە كوممۇنىزمچى گۇرۇپپىسىنى تەشكىللىگەن، شۇ يىلى 11-ئايدا ۋېنگرىيىگە قايتىپ كېلىپ، ۋېنگرىيە كومپارتىيىسىنى قۇرغان. 1919-يىلى 2-ئايدا، ۋېنگرىيە بۇرژۇئا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. 1919-يىلىدىكى ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى، ھەربىي ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. جۇمھۇرىيەت مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئاۋسترىيىگە بېرىپ مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1920-يىلى سوۋېت روسىيىسىگە كېلىپ، قىرىم قىزىل ئارمىيىسى جەنۇبىي سەپ ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئاق گۋاردىيىچىلەرگە قارشى جەڭگە قاتناشقان. 1921 — 1923-يىللىرى، ئورالدا پارتىيە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 1923-يىلى، روسىيە كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن، روسىيە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى بىرلەشمىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەۋقۇلئاددە ۋەكىلى بولغان. 1921-يىلدىن باشلاپ يەنە ۋېنگرىيە كومپارتىيىسىدە مەخپىي خىزمەت ئىشلەشكە رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1928-يىلى ۋېنادا قولغا ئېلىنىپ، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېلىپ سىياسىي خىزمەت بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان. 1937-يىلى جازا ھۆكۈم قىلىنغان، ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

كۇن راماكامھېڭ

  • كۇن راماكامھېڭ[يەشمىسى:]» (Khun Rama Khamheng، ؟ — 1317) سۇكوتاي سۇلالىسىنىڭ 3-ھۆكۈمرانى (تەخمىنەن 1275 — 1317). تەختتىكى مەزگىلدە سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلغان. ئېيتىلىشىچە 1296-يىلى چېنلا خانلىقىنىڭ پايتەختى ئاڭكورنى بېسىۋېلىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان. ئۇنىڭ زېمىنى شىمالدا لۇئاڭ پراباڭدىن جەنۇبتا مالاي يېرىم ئارىلىدىكى لوكۇنغىچە يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1283-يىلى، كىخمىر ھەرپلىرى بىلەن تاي تىلىنى يېزىپ، تاي يېزىقىنى ئىجاد قىلغان. ھىنايانا بۇددىزمىنى تەشەببۇس قىلغان. جۇڭگو يۈەن سۇلالىسى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ جۇڭگوغا كەلگەن ۋە ئۆز ئېلىگە جۇڭگونىڭ ساپالچىلىق ئۇستىلىرىنى ئېلىپ كەتكەن.

كۇنېئو

  • كۇنېئو[يەشمىسى:]»(Giovanni battista Cuneo ، 1809 — 1875) ئىتالىيە گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى دەۋرىدە ئۆتكەن سىياسىي ئەرباب. «ياش ئىتالىيە پارتىيىسى» نىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئەزالىرىدىن بىرى. 1833-يىلى تاگانروگ (Taganrog) دا گارىبالدىنى ياش ئىتالىيە پارتىيىسى تەشكىلاتىغا قاتنىشىشقا تونۇشتۇرغان. ئۇ يەنە مونتېۋىدېئو (Montevideo)دا «ياش ئىتالىيە پارتىيىسى»نىڭ ياچېيكىسىنى قۇرغان. 30 — 40-يىللىرى گارىبالدى بىلەن بىرگە جەنۇبىي ئامېرىكا خەلقىنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان.1848-يىلى ۋەتەنگە قايتقان.50 — 60-يىللىرى ئىتالىيە ئىنقىلابىي ھەرىكىتىگە پائال ئاتلانغان. 1866-يىلى گارىبالدى قوشۇنىغا قاتنىشىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشتا بولغان. ئۇنىڭ «گىيوسېپپىي گارىبالدى تەرجىمىھالى» ناملىق ئەسىرى بار.

كۇنىكوسلار

  • كۇنىكوسلار[يەشمىسى:]» يۇنانچە Kunikoi سۆزىدىن كېلىپ چىققان. قەدىمكى يۇنان پەلسەپىسىنىڭ بىر ئىلمىي ئېقىمى. ئافىنالىق ئانتىستېنې كەشپ قىلغان. ئۇ ئافىنادىكى كۇنوسارگېس (Kunosarges، «ئىت ئۇۋىسى» دېگەن مەنىدە) ناملىق تەنتەربىيە مەيدانىدا لېكسىيە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەزھەپتىكىلەر كۇنىكوسلار (Kunikos، «لالما ئەدىب» دېگەن مەنىدە) دەپ نام ئالغان. يەنە بىر خىل ئېيتىلىشىچە، بۇ مەزھەپتىكىلەر ئەسكى كىيىملەرنى كىيىپ، ناچار تاماقلارنى يەپ، كوچىلاردا يېتىپ-قوپۇپ، ئۆز-ئۆزىگە جاپا تېپىپ يۈرگەچكە كىشىلەر تەرىپىدىن زاڭلىق قىلىنىپ «لالما ئەدىب» (ئىتقا ئوخشاش) دەپ ئاتالغان. ئانتىستېنې ھەرقانداق ھۇزۇر-ھالاۋەتتىن ۋاز كېچىپ «تەبىئەتكە قايتىش» نى تەرغىپ قىلغان؛ ئەينى ۋاقىتتىكى يۇنان جەمئىيىتىنىڭ باي-كەم-بەغەللەر پەرقىنىڭ چوڭلۇقى ھەم باش-ئايىغى يوق ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان كرىزىسكە قاتتىق نارازى بولغان. ئۇنىڭ مۇرىتى دېئوگېنې تېخىمۇ كەسكىن بولۇپ، جاھاندىن نەپرەتلىنىپ ئۆرپ-ئادەتلەردىن بىزار بولۇش، زامانغا باقماسلىقتەك پوزىتسىيە قوللىنىپ، نامراتلىقتىن رازى بولۇش، ھەتتا نامراتلىقتىن ھۇزۇرلىنىشنى ئالاھىدە بىر خىل پەلسەپە قىلىپ كۆتۈرگەن. قەلەندەرلەردەك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالاپ، ئارزۇ-ھەۋەسلەردىن تەرك ئېتىپ، بىر ئۆزىنىڭلا ياخشى بولۇشىنى ئويلاشنى ئەڭ ئېسىل گۈزەل ئەخلاق دەپ بىلگەن (ئېيتىلىشىچە ئۇ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ ھەرقانداق ئىلتىپاتىنى رەت قىلغانىكەن). كۇنىكوسلار ئەينى ۋاقىتتىكى زاۋاللىققا يۈز تۇتقان جەمئىيەت تەبىقىلىرىنىڭ چۈشكۈن كەيپىياتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇلار كرىزىسقا پېتىپ قالغان يۇنان جەمئىيىتىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. بىراق يەنىلا بۇنداق جىنايەتلەرنى كېمەيتىشكە ياردەم قىلالمىغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە كۇنىكوسچىلىق بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈرگەن ( مەسىلەن: مىسىرنىڭ ئىسكەندىرىيىدە)، ئۇ بىر ئىلمىي ئېقىم سۈپىتىدە مۇھىم تەسىر كۆرسىتەلىگەن ئەمەس. كېيىنكى ۋاقىتلاردا جاھانغا نەپرەتلىنىپ، ئۆرپ-ئادەتلەردىن بىزار بولغانلار «لالما ئەدىب» دەپ ئاتالغان.

كۇنىكىدا دوپپو

  • كۇنىكىدا دوپپو[يەشمىسى:]» (1871 — 1908) ياپونىيىلىك شائىر ۋە يازغۇچى. ئەسلى ئىسمى تېتسۇ، تەخەللۇسى تېتسوئونو. توكيودىكى مەخسۇس مەكتەپ (ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكتى) تە ئوقۇپ يېرىم يولدا ئوقۇشتىن چېكىنگەن. كېيىن مۇخبىرلىق، ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. شېئىرلار توپلىمىدىن «دوپپو شېئىرلىرى»، ھېكايىلەر توپلىمىدىن «دوپپو توپلىمى»، نەسرىي ئەسەرلىرىدىن «مۇساشىنو» قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ھېكايىلىرى ئەڭ داڭلىق، مەسىلەن «گېن بوۋاي»، «كالا گۆشى بىلەن ياڭيۇ»، «نامراتچىلىقتا ئۆلۈش»، «بامبۇك رېشاتكىلىق دەرۋازا» قاتارلىقلار. ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىدە ياپونىيىنىڭ شەھەر يېزىلىرىدىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىك تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ بەزى زىددىيەتلىرى ئېچىپ بېرىلگەن. كېيىن 10 توملۇق «كۇنىكىدا دوپپو ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

كۇئوكۇ

  • كۇئوكۇ[يەشمىسى:]»(Vincenzo Cuoco، 1770 — 1823)ئىتالىيىلىك تارىخشۇناس.1799-يىلىدىكى نېئاپول ئىنقىلابىدا سىياسىي جەھەتتىن مۆتىدىللەر تەرىپىدە تۇرغان.1806— 1815-يىللىرى ناپولېئون نېئاپولغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە دۆلەت مەسلىھەتىچىسى، مالىيە ۋەزىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. «ئىتالىيە گېزىتى» نى تەسىس قىلىپ ۋە تەھرىرلەپ، بىرلىككە كەلگەن ئىتالىيە دۆلىتىنى بەرپا قىلىشنى تەشۋىق قىلغان. ئۇنىڭ ئىدىيىسى ئىتالىيە گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىدىكى نۇرغۇن ئەربابلار (مەسىلەن، ماززېنى، پىسكانا قاتارلىقلار) غا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق «1799-يىلىدىكى نېئاپول ئىنقىلابىنىڭ تارىخىغا ئائىت ماقالىلەر» ناملىق ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا پارتېنوپا جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر بايان قىلىنغان.

كۇئېبېك سۆھبىتى

  • كۇئېبېك سۆھبىتى[يەشمىسى:]»ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كانادانىڭ كۇئېبېك (Quebec) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىن. (1) 1943-يىل 8-ئاينىڭ 14-، 24-كۈنلىرى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلت بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچېل كۇئېبېكتە ئۇرۇش ۋەزىيىتى مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئاساسەن گېرمانىيىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى چەكلەش تەدبىرلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەن. يىغىنغا كانادا زۇڭلىسى بىلەن جۇڭگونىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ قاتناشقان.(2) 1944-يىل 9-ئاينىڭ 11-، 16-كۈنلىرى روزۋېلت بىلەن چېرچېل كۇئېبېكتە يەنە بىر قېتىم سۆھبەتلەشكەن. ئۇلار ① گېرم-ان-ىيە ۋە ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش پىلانى؛ ② ئىتالىيە ئۇرۇش مەيدانى توغرىسىدىكى پىلان؛ ③ ئافىنا رايونىنى ئىشغال قىلىپ، ئەنگلىيىگە مايىل ھۆكۈمەت قۇرۇش توغرىسىدىكى پىلان؛ ④ گېرمانىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ گېرمانىيە زېمىنىنى ئىشغال قىلىشى توغرىسىدىكى دەسلەپكى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە گېرمانىيىنى نوقۇل يېزا ئىگىلىك دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىغان.

كۇئېبېك نىزامى

  • كۇئېبېك نىزامى[يەشمىسى:]»ئەنگلىيە 1774-يىلى بوستون چاي پارتىيىسى دېلوسىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن تۈزگەن شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكىسىنى جازالاش پەرمانى. ئۇنىڭ مەزمۇنى كۇئېبېك ئۆلكىسىنى ئوھىئو دەرياسىنىڭ شىمالىي، ئاپپالاچىئان تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىدىكى كەڭ رايونلارغىچە كېڭەيتىپ، ئەنگلىيە كورۇلى بىۋاسىتە ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ نىزام ماسسا چۇسېتتىس، نيۇ-يورك، كوننېكتىكۇت، ۋىرگىنىيە شتاتلىرىنىڭ غەربكە كېڭىيىشىگە ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىپ، مۇستەملىكىلەر بىلەن ئەنگلىيىنىڭ زىددىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىدىكى مۇھىم ئامىلغا ئايلانغان.

كۇئېسناي

  • كۇئېسناي[يەشمىسى:]»(Francoiss Quesnay، 1694 — 1774)، فرانسىيىلىك ئىقتىسادشۇناس، يېزا ئىگىلىكىگە ئېتىبار بېرىش ئىلمىي ئېقىمىنىڭ ئاساسچىسى، دوختۇر.1749-يىلى لۇئى ⅩⅤ نىڭ ئوردا دوختۇرى بولغان. 1752-يىلى ئاقسۆڭەك نامى بېرىلگەن. 60 ياش ئۆپچۆرىسىگە كەلگەندە، ئىقتىساد ئىلمىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. 1756-يىلى دىدېروتنىڭ باش تەھرىرلىكىدە تۈزۈلگەن «قامۇس» نىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىنى يېزىپ بەرگەن، ئۇزۇنغا قالماي ئىلمىي ئېقىم بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇ مۇۋازىنەتلىك نورمال ھالەتتە، جەمئىيەتتىكى ئۈچ چوڭ سىنىپنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ: ئىشلەپ چىقارغۇچىلار سىنىپى يەنى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرغۇچىلار جەمئىيەتكە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ؛ يەر ئىگىلىرى سىنىپى يەر ئىجارىسىنى ئالىدۇ؛ غەيرىي ئىشلەپ چىقارغۇچىلار سىنىپى، يەنى غەيرىي يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ.دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرغۇچىلار بىردىنبىر ئىشلەپ چىقارغۇچىلار سىنىپىدۇر؛ يېزا ئىگىلىكى ئىجتىمائىي بايلىقنى كۆپەيتكۈچى (يەنى ساپ مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى) بىردىنبىر ئىقتىسادىي تارماقتۇر؛ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بايلىق يارىتالمايدۇ؛ سودا پايدىسى ئالدامچىلىق ياكى مونوپول قىلىشنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەت؛ بىرلا خىل باج تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يەر ئىگىلىرىدىن باج ئېلىش لازىم؛ سودىغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى پەقەت جەمئىيەتنىڭ كېسەللىك ھالىتىدىلا يولغا قويۇشقا بولىدۇ؛ جەمئىيەتنىڭ نورمال مۇۋازىنەتلىكىنى ساقلاشتا، رىقابەتكە ۋە ئىقتىسادىي ئەركىنلىككە تايىنىش لازىم، دەپ قارىغان. ئۇ ئىقتىسادىي جەرياننىڭ ئىچكى قانۇنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، تەتقىقات خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئوبوروت ساھەسىدىن ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە يۆتكىگەن ھەمدە ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوبوروتنىڭ پۈتكۈل قىياپىتىنى سۈرەتلەپ بېرىشكە تىرىشقان. ئۇ بىرىنچى بولۇپ سىياسىي ئىقتىسادنى كاپىتالىزم ئاساسىغا تۇرغۇزغان، ئەمما ئۇنىڭ تەلىماتى فېئوداللىق تۈسكە ئىگە بولۇپ، ئۈمىدىنى تەرەققىيپەرۋەر پادىشاھنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا باغلىغان. «يەرنى ئىجارىگە بەرگۈچى دېھقانچىلىق مەيدان ئىگىلىرى توغرىسىدا»،«ئاشلىق توغرىسىدا»، «ئىقتىسادىي جەدۋەل» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

كۇئىس-لىڭ

  • كۇئىس-لىڭ[يەشمىسى:]»(Vidkun Quisling، 1887 — 1945) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى نورۋېگىيە قورچاق ھۆكۈمىتىنىڭ باش ۋەزىرى. نورۋېگىيە ھەربىي ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1918 — 1921-يىللىرى پېتروگراد ۋە ھېلسىنكىدا ھەربىي ئەمەلدار بولغان. 1827 — 1929-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1931 — 1933-يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1933-يىلى فاشىستىك پارتىيە — «مىللىي بىرلىك پارتىيىسى» نى تەشكىللىگەن.1940-يىلى 4-ئايدا گېرمانىيىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ نورۋىگىيىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەملىشىپ، قورچاق ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىققان ھەمدە بۇ ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىرى بولغان، ئۇزاق ئۆتمەي تاشلىۋېتىلگەن. 1942-يىلى 2-ئايدا يەنە باش ۋەزىر بولغان. 1945-يىلى 5-ئايدا نورۋېگىيە ئازاد بولغاندا قولغا ئېلىنىپ، 10-ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن. «كۇئىسلىڭ» كېيىن ۋەتەن ساتقۇچ دېگەن سۆزنىڭ ئالمىشىشى بولۇپ قالغان.

كۇئىنتىلىئان

  • كۇئىنتىلىئان[يەشمىسى:]» (Marcus Fabius Quintilianus، تەخمىنەن مىلادى 35 — 95) قەدىمكى رىملىق ستىلىستىكاشۇناس. ئىسپانىيىدىكى كالاگۇررى (Calagurris) دا تۇغۇلغان. مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى رىمغا بېرىپ ئوقۇغان، كېيىن رىمدا ستىلىستىكا مەكتىپى ئاچقان (كىچىك پىلىنى ئۇنىڭ قولىدا ئوقۇغان). ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچىلىقتىن چېكىنىپ چىقىپ ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. «نۇتۇق سەنئىتى قائىدىسى» ناملىق ئاساسلىق ئەسىرىدە مائارىپ ناتىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئالىي نىشان قىلىشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆسمۈرلەرنىڭ تىل ئۆگىنىشىگە دىققەت قىلىش، مۇۋاپىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك؛ ئوقۇتقۇچىلاردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىپ،ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ۋە تەقلىد قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ۋە ئوقۇتۇشتا قىزىقتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش لازىم، دەپ قارالغان. ئۇنىڭ بايانلىرى ۋە ماقالىلىرى ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى گۇمانىزم ئالىملارغا بەك تەسىر كۆرسەتكەن.

كۆچمەن قەبىلە

  • كۆچمەن قەبىلە[يەشمىسى:]» كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئىپتىدائىي قەبىلىلەر. دەسلەپتە چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن بارلىققا كەلگەن. چارۋىچى قەبىلىلەر ياۋايىلىقنىڭ تۆۋەنكى باسقۇچىدا، يېڭى تاش قورال دەۋرىدىلا ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق يايلاقلىق رايونلاردا بارلىققا كېلىپ، ئاساسەن قوي، توڭگۇز، ئېشەك، كالا قاتارلىق چارۋىلارنى بېقىش بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئاشلىق زىرائەتلىرىنى قوشۇمچە تېرىغان، ئادەتتە بىر جايدا مۇقىم تۇرۇپ، بىرقەدەر ئاز كۆچكەن. ياۋايىلىقنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىغا كەلگەندە، ئات، تۆگە قاتارلىق يۈك توشۇيدىغان ئۇلاغلارنى بېقىش ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە، چارۋىچى قەبىلىلەر مۇقىم تۇرۇشلۇق بولمىغان، پەسىلگە قاراپ ئوت-چۆپ ۋە سۇ بار جايلارغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىدىغان بولغان، شۇنىڭ بىلەن كۆچمەن قەبىلىگە ئايلىنىپ، قالمىش دېھقانچىلىق قەبىلىلىرىدىن ئايرىلىپ چىققان. كېيىن بەزى كۆچمەن قەبىلىلەر كۆچۈپ يۈرۈش جەريانىدا، تەدرىجىي ھالدا دەريا جىلغىسىدىكى يايلاقلاردا ئولتۇراقلىشىپ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئۆزگەرگەن ياكى دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارغان؛ بەزى قەبىلىلەر مۇۋاپىق جاي (تەبىئىي يايلاق ۋە سۇ مەنبەسى بولغان) ئىزدەپ، ئۇزاق مۇددەت كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ھەتتا يىراق يات ئەللەرگىمۇ كۆچۈپ بارغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا شارائىتلار (ئۇرۇش قاتارلىقلار) قوشۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا مىللەتنىڭ كۆچۈش دولقۇنىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ھەمدە شىمالىي ئافرىقا، ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىن ئارقا-ئارقىدىن كۆچۈپ چىققان. كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆچۈپ يۈرۈشى ۋە ئۇلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق قەبىلىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، قەدىمكى دۇنيا تارىخىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ ياۋايىلىق دەۋرىدىكى باشقا قەبىلىلەردىن ئايرىلىپ چىقىشى، بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، قەبىلىلەر ئارا دائىملىق ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىككە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز نۆۋىتىدە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە سىنىپلارنىڭ بارلىققا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىش قانۇنى

  • كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىش قانۇنى[يەشمىسى:]» «يەر-جاي قانۇنى» غا قاراڭ.

كۆك پارتىيە

  • كۆك پارتىيە[يەشمىسى:]» مىلادى Ⅴ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە گىملاردىن ئۇيۇشقان پارتىيە. ئۇ ۋە يېشىل پارتىيىدىن باشقا، ئانچە مۇھىم بولمىغان قىزىل پارتىيە، ئاق پارتىيە قاتارلىقلارمۇ بولغان. بۇ پارتىيىنىڭ يۇقىرى قاتلىمى چوڭ فېئوداللار ۋە سېنات ئاقسۆڭەكلىرىدىن تەركىب تېپىپ، مەركىزىي ھاكىمىيەتنى ۋە پراۋوسلاۋ دىنىنى قوللىغان؛ تۆۋەنكى قاتلىمى ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىسىدىن تەركىب تاپقان. بۇ پارتىيە بىلەن يېشىل پارتىيىنىڭ تۆۋەنكى قاتلىمى ئوتتۇرىسىدا پايدا-زىيان توقۇنۇشى يوق بولۇپ، سىنىپىي زىددىيەت ئۆتكۈرلەشكەن چاغدا ئۆزئارا بىرلىشىپ ئىمپېرىيە دائىرىلىرىگە ئورتاق قارشى تۇرغان. «نىكاھ قوزغىلىڭى»غا قاراڭ.

كۆك ئوردا خانلىقى

  • كۆك ئوردا خانلىقى[يەشمىسى:]»موڭغۇللار قۇرغان فېئودال دۆلەت. زېمىنى كاسپىي دېڭىزىنىڭ شىمالىنى، غەربتە ئورال دەرياسىغىچە بولغان رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى باتۇخان بۇ جاينى ئۇكىسى شەيبانغا ئىنئام قىلىپ بەرگەن. چېدىرىنىڭ رەڭگى كۆك بولغانلىقتىن باتۇخاننىڭ ئالتۇن رەڭلىك چېدىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، كۆك ئوردا خانلىقى دەپ ئاتالغان. ⅩⅤئەسىرنىڭ بېشىدا ئاق ئوردا خانلىقى بىلەن قوشۇلۇپ، ئۆزبېك خانلىقى دەپ ئاتالغان.

كۈل رەڭ كۆڭلەكلىكلەر

  • كۈل رەڭ كۆڭلەكلىكلەر[يەشمىسى:]» ⅩⅩئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئامېرىكىدا پەيدا بولغان فاشىستىك تەشكىلات. ئۇنىڭ ئەزالىرى دائىم كۈل رەڭ كۆڭلەك كىيىپ نامايىش قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇنداق ئاتالغان. ئاساسەن، يەھۇدىيلارغا قارشى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. كاتتىبېشى ۋىليام دادېل فېل. پىيورل خاربور ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن مەنئى قىلىنغان.

كۈمۈش پۇل مەھكىمىسى

  • كۈمۈش پۇل مەھكىمىسى[يەشمىسى:]»ياپونىيىنىڭ ئېدۇ دەۋرىدىكى كۈمۈش پۇل قۇيىدىغان مەھكىمە. 1601-يىلى (چىڭچاڭنىڭ 6-يىلى) توكۇگاۋا ئېياسۇ كيوتودا تەسىس قىلغان. 1605-يىلى سۇرۇگا (ھازىرقى شىزۇكا ناھىيىسى) دا يەنە بىرى قۇرۇلۇپ، 1612-يىلى ئېدۇغا يەنى ھازىرقى توكيونىڭ گىنزا رايونىغا كۆچۈرۈلگەن. 1800-يىلى (كۇەنجېڭنىڭ 12-يىلى)غا كەلگەندە، يەنە ياپون كۆۋرۈكى يېنىدىكى لىكې كوچىسىغا كۆچۈپ بارغان. 1608-يىلى خوككايدۇدا قۇرۇلۇپ، پايتەختتىكى مەھكىمىنىڭ تارماق ئورگىنى قىلىنغان. كېيىن تاشقى سودىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ناگاساكىدا يەنە بىرى ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان. مېيجى يېڭىلىقى دەۋرىدە بۇ مەھكىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، پۇللارنىڭ ھەممىسى بىردەك پۇل جۇجۇقى تەرىپىدىن قۇيۇلىدىغان بولغان. ئۇنىڭ كونا ئورنىنىڭ ئەتراپى (ياپونىيە كۆۋرۈكىدىن يېڭى كۆۋرۈك ئارقىلىق خىراكاۋغا بارىدۇ) تەدرىجىي ھالدا توكيونىڭ ئاۋات سودا رايونىغا ئايلانغان.

كۈمۈش قەسىر

  • كۈمۈش قەسىر[يەشمىسى:]»ياپونىيىنىڭ مۇروماچى دەۋرىدىكى مۇقىم قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى. ھازىرقى كيۇتو شەھىرى سىجاۋشى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچىدە. سەككىزىنچى ئەۋلاد سىياگۇن ئاشىكا گويوشىماسا(1436—1490) 1465-يىلى تويامانىڭ قورۇ-جايىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قورۇق بىنا قىلىشقا كىرىشكەن، ئەمما يېڭرېن توپىلىڭى تۈپەيلىدىن ئىش توختاپ قالغان. 1482-يىلى يەنە خانىقاسىنىڭ يېنىدىكى تاغدا قورۇق بىنا قىلغان. كۈمۈش قەسىر 1489-يىلى سېلىنغان، ئۇنىڭ بىرىنچى قەۋىتى قوشما شەكىللىك كۇتۇپخانا قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت، ئىككىنچى قەۋىتى تاڭ سۇلالىسى ئۇسلۇبىدىكى بۇددا قەسىرى بولۇپ، ئاۋالوكتېسۋارا قەسىرى دەپ ئاتالغان. ئەسلىدە تامغا كۆمۈش ياپراقچىلارنى چاپلىماقچى بولۇپ، كۈمۈش قەسىر دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، كېيىن پەقەت سىرلاپلا قويۇلغان. رەڭگى ئازادە،سىپايە ۋە كۆركەم بولۇپ، ھويلا مەنزىرىسىگە ناھايىتى ماسلاشقان، بايلارنىڭ بىكارچىلىقتىن پەيدا بولغان ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان ئارامگاھىدۇر.

كۈيجاڭ راۋىقى

  • كۈيجاڭ راۋىقى[يەشمىسى:]» چاۋشيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوردا كۇتۇپخانىسى. لى سۇەن (جىڭزو) تەسىس قىلغان. لى سۇەن تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە چاڭدى ئوردىسىنىڭ شىمالىي گۈلزارلىقىدا كۈيجاڭ راۋىقىنى ياسىتىپ، تارىختا ئۆتكەن پادىشاھلار تۈزگەن ۋە يازغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا كۆچۈرگەن. ئىككى نەپەر مائارىپ ئەمەلدارى، ئىككى نەپەر مۇئاۋىن مائارىپ ئەمەلدارى، بىر نەپەر كۇتۇپخانا ئەمەلدارى، بىر نەپەر مۇنشى ۋە يەنە تۆت نەپەر تەكشۈرگۈچى ئەمەلدار تەسىس قىلىپ، ئۇنى باشقۇرغان. 1867-يىلى جىڭفۇ ئوردىسىنى قايتا قۇرغاندىن كېيىن كۈيجاڭ راۋىقىنى ئۇنىڭ ئىچىگە كۆچۈرگەن. 1894-يىلى ئوردا ئىچىدىكى مەھكىمىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، مەدەنىيەت، سەنئەتنى باشقۇرىدىغان مەركىزى ئورگان بولۇپ قالغان. كۆپلىگەن كىتاب-ماتېرىياللارنى تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرغان. جۇڭگونىڭ «تۆت يۈرۈش كىتابلار» غا تەقلىد قىلىپ، قەدىمكى كىتابلارنى كەڭ تۈردە توپلاپ باستۇرغان ھەمدە جياڭخۇا ئارىلىدا ساقلانغان قەدىمكى كىتابلارنى كۈيجاڭ راۋىقىنىڭ سىرتىدىكى كىتابلار قاتارىدا باشقۇرغان. راۋاقتا ساقلانغان كىتابلار 130 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، چاۋشيەننى تەتقىق قىلىشتىكى ماتېرىيال خەزىنىسى ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيە چاۋشيەننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، باش ۋالىي مەھكىمىسى ئىگىلىۋالغان، كېيىن خەنچىڭ داشۆسىگە قاراشلىق كۇتۇپخانا قىلىنغان.

كۋاتىرنىك

  • كۋاتىرنىك[يەشمىسى:]»(Fugen Kvaternik، 1825 — 1871) كرودىيىلىك سىياسىي پائالىيەتچى، ئادۋوكات، سىياسىي ئوبزورچى. 1844 — 1848-يىللىرى پېشتىدا قانۇن، پېداگوگىكا ئۆگەنگەن. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ روسىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 60-يىللارنىڭ ئاخىرى كرودىيىدىكى ئۇششاق بۇرژۇئا رادىكاللىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھوقۇق پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، «تارىخ ۋە تەڭرى ئاتا قىلغان ھوقۇق» ئاساسىدا كرودىيە خەلقىنىڭ بىرلىكى ۋە مۇستەقىللىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ «كرودىيە بىلەن ئىتالىيە ئىتتىپاقى»، «سىياسىي تەتقىقات» ۋە «كرودىيە كاپىتالىستلىرى» ناملىق ئەسەرلىرى بار. 1871-يىلى ھابىسبۇرگ خاندانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭنى سەپەرۋەر قىلغانلىقى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.

كۋاڭجۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى

  • كۋاڭجۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى[يەشمىسى:]» چاۋشيەننىڭ ياپونىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى. 1929-يىلى 10-ئايدا، كۋاڭجۇ (جېئونرا-نامدودا) ئوقۇغۇچىلىرى ياپون ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ چاۋشيەن ئوتتۇرا مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىسىنى ۋەھشىيلىك بىلەن ھاقارەت قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. ياپونىيە ژاندارما دائىرىلىرى دەرھال ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرغان. چاۋشيەننىڭ بىرمۇنچە ئوقۇغۇچىلىرى ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان، يەنە بىرمۇنچىلىرى قولغا ئېلىنغان. ياپونىيىنىڭ زوراۋانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، شۇ يىلى 11-ئايدا جېئونرا-نامدونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن نامايىش قىلغان، ئىشچىلار ئىش تاشلىغان.12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھەرىكەت پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيگەن. كۈرەش داۋامىدا، شىنگەنخۇي كۋاڭجۇغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ئوقۇغۇچىلار كۈرىشىنى قوللىغان ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە ياپونىيىنىڭ زوراۋانلىقلىرىنى كەڭ ئېچىپ تاشلاپ، ئاممىۋى يىغىن ئېچىپ، مۇستەملىكىچىلىك مائارىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان. ئىككىنچى يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئاخىرى ياپونىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن زورلۇق بىلەن باستۇرۇلغان. بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە قاتناشقان مەكتەپ تەخمىنەن 194 كە، ئوقۇغۇچى 54 مىڭدىن ئارتۇقراققا يېتىپ، چاۋشيەن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تارىخىدا مۇھىم ۋەقە بولۇپ قالغان.

كېپلېر

  • كېپلېر[يەشمىسى:]»(Johann Kepler ، 1571 — 1630) گېرمانىيىلىك ئاسترونوم. فوتىنبۇرگدىكى بىر كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. پروتېستانت.1589-يىلى تۇبىنگېن داشۆسىدە ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە پەنلىرىنى ئۆگىنىپ تەتقىق قىلغان. 1594-يىلى گراز (Graz ، ئاۋسترىيىگە تەۋە) ئالىي مەكتىپىدە ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە لېكتورى بولغان. 1600-يىلى پراگاغا بېرىپ شۇ يەرگە ئولتۇراقلاشقان. دانىيە ئاسترونومى تېخۇ بىراھى (1546 — 1601 Tycho Brahe) نىڭ ياردەمچىسى بولغان. ئىككىنچى يىلى بىراھى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ماتېرىياللىرىغا ۋارىسلىق قىلغان. 1602-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى رودولف Ⅱ نىڭ ئوردا ماتېماتىكى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. 1612 — 1626-يىللىرى، لىنىز(Linz، ئاۋسترىيىدە) دا ماتېماتىكا پروفېسسورى بولغان. رېگېنسبۇرگدا (Regensburg) ئالەمدىن ئۆتكەن. ئاساسىي تۆھپىسى شۇكى، ئۇ پلانىتلار ھەرىكىتىنىڭ ئۈچ چوڭ قانۇنىنى تاپقان؛ (1) پلانىتلار ھەرىكىتىنىڭ ئوربىتىسى ئېللېپس شەكلىدە بولۇپ، قۇياش ئېللېپسنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىغا جايلاشقان. (2) قۇياش مەركىزى بىلەن پلانىتا مەركىزى ئارىلىقىدىكى تۇتاش سىزىقنىڭ ئوربىتىسىدا ئۇرۇنۇپ ئۆتكەن يۈزى ۋاقىتقا ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. (3) پلانىتىنىڭ ئوربىتىدا بىر قېتىم ئايلانغان ۋاقتىنىڭ كۋادراتى ئۇنىڭ قۇياشقىچە بولغان ئوتتۇرىچە ئارىلىقىنىڭ كۇبىغا ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. مۇھىم ئەسەرلىرىدىن «يېڭى ئاسترونومىيە» قاتارلىقلار بار.

كېت قوزغىلىڭى

  • كېت قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]» ⅩⅤ ئەسىردىكى ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دېھقانلارنىڭ يەر چىتلاش ھەرىكىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلىڭى. ئۇنىڭغا كىچىك ئاقسۆڭەك روبېرت كېت(Robert Ket ياكى Kett، ؟ — 1549) رەھبەرلىك قىلغان. 1549-يىلى 6-ئايدا قوزغىلاڭ نورفولك (Norfolk) ۋىلايىتىدە پارتلاپ، تېزلىكتە يېقىن ئەتراپتىكى ھەرقايسى ۋىلايەتلەرنى قاپلىغان. قوزغىلاڭچىلار «29 ماددىلىق پروگرامما» تۈزۈپ، يەر چىتلاشنى مەنئى قىلىش قانۇنىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش؛ دېھقانلارنىڭ جامائەت يەرلىرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ ئىجارە بېجىنى كېمەيتىش؛ ئۆشرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ يانچىلىق تۈزۈمنىڭ قالدۇقلىرىنى بىكار قىلىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. 7-ئاينىڭ 22-كۈنى قوزغىلاڭچىلار نورفولك ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىي نورۋىچ (Norwich) شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. ھۆكۈمرانلار دەسلەپتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى پارچىلىماقچى بولۇپ، نەتىجە چىقىرالمىغان. كېيىن گراف ۋاۋېكنى ياللانما قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ قوزغىلاڭنى قوراللىق باستۇرۇشقا ئەۋەتكەن. 8-ئايدا، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. كېت ۋە بىرقانچە يۈز قوزغىلاڭچى ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ نورفولك ئەتراپىدا ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان نۇرغۇن دېھقانلارنى ساقلاپ قالغان. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كېيىن ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي دەۋرىدە پارلامېنت ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى بولغان.

كېتىس

  • كېتىس[يەشمىسى:]»(John Keats، 1795 — 1821)ئەنگلىيىلىك شائىر. نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، فېلدىشىر بولغان. بۇرژۇئازىيە جەمئىيىتىنىڭ رەزىللىكىگە نەپرەتلىنىپ، قەدىمكى يۇنان مەدەنىيىتىنى سېغىنىپ، «مەڭگۈلۈك گۈزەل دۇنيا» دىن تەسەللى ئېلىشنى خام خىيال قىلغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرىدە رېئال ئىجتىمائىي مەسىلىلەر سۆزلەنگەن. مەسىلەن: «كوسۇسكوغا»، «ل . ھېنتى تۈرمىدىن چىققان كۈنى» قاتارلىقلار. ئۇنىڭ لىرىك شېئىرلىرى نەپس ۋە تەسىرلىك بولۇپ، مەشھۇرلىرىدىن: «بۇلبۇل قەسىدىسى»، «قەدىمكى گرېك ئىدىش قەسىدىسى» «پۇسائىك قەسىدىسى»، «كۈز قەسىدىسى» قاتارلىقلار بار.

كېداشىناناگا

  • كېداشىناناگا[يەشمىسى:]» (1534 — 1582) ياپونىيىنىڭ ئاتوجىياماشەن مەزگىلىدىكى بىر فېئودال خوجىدار. ئوۋارى (ھازىرقى ئايچى ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالى) دا تۇغۇلغان. 1546-يىلى مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلغاندا، ئۆز جەمەتىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1560-يىلى ئوۋارى رايونىنى تىنچىتقان. شۇ يىلى ئوكېسا ئارىلىقىدىكى جەڭدە مورىكا (ھازىرقى شىجىئوكا ناھىيىسىنىڭ شەرقى) تۆرىسى ئوكىمېي تاۋايىتونى يەڭگەن. 1562-يىلى توكوكا ۋاكاتي بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ مىنو (ھازىرقى كىفۇ ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى) غا كېڭەيگەن. 1567-يىلى سافوجىشانى يوقىتىپ، يېناچى شەھىرىنىڭ ئىسمىنى كىفۇغا ئۆزگەرتىپ، شۇ جاينى بازا قىلغان. ئىككىنچى يىلى ئاشىكا گويوشىئاكېنى ھىمايە قىلىش نامى بىلەن كيوتوغا بېسىپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ سىياگۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە ئەمەلىي ھوقۇقنى ئىگىلىگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي يېشو كېداشىناغا قارشى كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ ئىسيان كۆتۈرگەنلىكتىن 1573-يىلى يېشو سۈرگۈن قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن موروماچى شوگۇنلۇقىغا خاتىمە بېرىلگەن. بۇ ئارىلىقتا كيوسې ئەتراپىدىكى ئوكىمېيغا قەدەممۇقەدەم ھۇجۇم قىلغان؛ 1570-يىلى چىيكا ۋاكو بىلەن ئاسامېيجىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىنى يەڭگەن. 1573-يىلى ئاسانى يوقىتىپ، چىيكانى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا مەجبۇرلىغان ھەمدە روھانىي كۈچلەرگە داۋاملىق زەربە بەرگەن. 1575-يىلى تاكېدانى يەڭگەن. 1576-يىلى ئومى (ھازىرقى شىگا ناھىيىسى) غا يېقىن جايدا ئاتو شەھىرىنى قۇرۇپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى تالىشىشنىڭ بازىسى قىلغان. 1578-يىلى ئوپوچاشىن ئۆلگەندىن كېيىن ئوپو جەمەتىنىڭ چېدىرلىرىدىن پايدىلىنىپ، بۇناكا (ھازىرقى فوكۇيى ناھىيىسى) غا ھۇجۇم قىلغان. 1580-يىلى ئوساكادىكى خونيو ئىبادەتخانىسىنى قورشىۋېلىپ ئۆزىگە بويسۇندۇرغان. ئىبادەتخانا كۈچلىرىگە ياردەم بەرگەن مۇرىخويىنىغا جازا يۈرۈشى قىلىش ئۈچۈن 1577-يىلى خاششىجى (يەنى توچيوشىجى)نى ئوكاياماغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن؛ خاششىجى ئارمىيىسىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن 1582-يىلى قوشۇن باشلاپ ئاتو شەھىرىدىن يولغا چىققان، لېكىن كىيوتودىكى خوننى ئىبادەتخانىسىغا كەلگەندە قول ئاستىدىكى ئادىمى مېيجىموشىنىڭ تۇيۇقسىز زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە گومرۇكلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كىچىك فېئوداللار ۋە ئىبادەتخانىلارنىڭ بازاردىكى ئىمتىيازىنى بىكار قىلغان، شەھەرنى كېڭەيتىپ، ئەركىن سودىنى رىغبەتلەندۈرگەن، لېكىن بەزى سودىگەرلەر پۇل ئىئانە قىلىشنى رەت قىلغانلىقتىن بازارلارنى ۋەيران قىلغان. ئىبادەتخانا كۈچلىرىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن كاتولىك دىنىنىڭ تارقىلىشىغا يول قويغان. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەمەلىيەتتە توچىيوشىجىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە زومىگەر بولۇشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن. 

كېداھ

  • كېداھ[يەشمىسى:]» (Kwdah)مالايادىكى قەدىمكى دۆلەت. مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى كېدا رايونىغا جايلاشقان. مىلادى Ⅳ ئەسىردە ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. سودا ئىشلىرى راۋاج تاپقان بولۇپ غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سودا يولى بولغان. تاڭ سۇلالىسى يۇڭخوي يىللىرى (650 — 655) جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. تاڭ سۇلالىسىدىكى راھىب يىجىڭ زىيارەت ئۈچۈن ھىندىستانغا بارغاندا شۇ يەر ئارقىلىق بېرىپ كەلگەن. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مالاككا دۆلىتى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. ئىسلام دىنى كىرگۈزۈلگەن، ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى سۇماترادىكى ئاتجې دۆلىتىگە بويسۇنغان، 1821— 1909-يىللىرى سىيام (ھازىرقى تايلاند) قا تەۋە بولغان، 1909-يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان.

كېخمىر

  • كېخمىر[يەشمىسى:]» كېخمىرلار ھازىرقى كامبودژىدا قۇرغان دۆلەت. ئەسلى ۋونامنىڭ شىمالىدىكى بېقىندى دۆلەت. مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋونامنى يېڭىپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن يېرىنى ئىشغالقىلغان. تەخمىنەن627-يىلى ئىساناسېنا(Isanasena، 611 — 635-يىللىرى تەختتە تۇرغان) ۋونامنى مەغلۇپ قىلىپ، كامبودژىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، ئىسانا شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جەنۇب، شىمال دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن: شىمالىي قۇرۇقلۇقتىكى كېخمىر دەپ ئاتالغان؛ جەنۇبىي سۇدىكى كېخمىر دەپ ئاتالغان. كېيىن سىرىۋىجىيىنىڭ سەيلېندرا سۇلالىسىگە تەۋە بولغان. تەخمىنەن 802-يىلى مۇستەقىل بولۇپ، يېڭىباشتىن بىرلىككە كەلگەن، ئاڭكور (Angkor) رايونىنى پايتەخت قىلغان، تارىختا ئاڭكور سۇلالىسى دەپ ئاتالغان. سورياۋارمان Ⅰ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە (1002 — 1050) سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، غەربتە مېنام دەرياسى ۋادىسىدىكى بەگلىكلەرنى بويسۇندۇرغان، تەسىر دائىرىسى شىمالدا لۇئاڭ پراباڭغىچە، جەنۇبتا مالاي يېرىم ئارىلىغىچە يەتكەن، سورياۋارمانⅡ ۋە جاۋارمان Ⅶ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (1113 — 1150، 1181 — 1219)، دۆلەت ئەڭ روناق تاپقان. شەرقتىكى قوشنىسى چامپا-پۇرا بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇش قىلغان، 1203-يىلى ئۇنى يۇتۇۋېلىپ، ئوتتۇرا جەنۇب يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىمپېرىيە بولۇپ قالغان. Ⅷ ئەسىردە، سىيام باش كۆتۈرۈپ كېخمىرنىڭ كۈچلۈك رەقىبى بولۇپ قالغان. 1431-يىل ئاڭكورنى سىيام ئىشغال قىلىۋالغان. 1434-يىلى پايتەختنى فىنومپېنغا كۆچۈرگەن، كېيىن دۆلەت ئەھۋالى خارابلىشىپ، 1594-يىلى سىيام تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. ⅩⅦ ئەسىردىن باشلاپ كامبودژا دەپ ئاتالغان. كېخمىرلار براخمان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. كېيىن ھىنايانا بۇددا دىنىمۇ ئەۋج ئالغان. ئاڭكور سۇلالىسى دەۋرىدە، مەدەنىيەت-سەنئەت تەرەققىي تاپقان، داڭلىق ئاڭكورسەنئىتى ئىجاد قىلىنغان. كېخمىر جۇڭگو بىلەن ئۇزاق ۋاقىت دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن، Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كەلدى-باردى قويۇق بولغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، جۇداگۈەن يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى بىلەن بىللە كېخمىرغا بارغان، ئۇ يازغان «كېخمىرنىڭ تەبىئىي شارائىتى ھەققىدە خاتىرە» دېگەن كىتاب كامبودژىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك تارىخىي ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كېرسۇنېس

  • كېرسۇنېس[يەشمىسى:]» يۇنانچە يېرىم ئارال دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمكى رايون ۋە شەھەرنىڭ ئىسمى. (1) تراكىيىدىكى كېرسۇنېس (Chersonesos Thracia). تراكىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئېگېي دېڭىزىغا سوزۇلۇپ كىرگەن تار يېرىم ئارال بولۇپ، ھېللېسپون بىلەن مىلاس (Milas) بوغۇزىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 74 كىلومېتر كېلىدۇ، ھازىر گاللىپولى (Gallipoli) يېرىم ئارىلى دەپ ئاتىلىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە مىلتىيادې (miltiades) باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئافىنا مۇستەملىكىچىلىرى بۇ يەرنى مۇستەملىكە قىلغان. داردانىل بوغۇزىنىڭ چىقىش ئېغىزىنى بوغۇپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا كىچىك ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ قاتناش تۈگۈنى، ستراتېگىيىلىك ئورنى مۇھىم. يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅤ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرى) بىر مەھەل پېرسىيە ئىشغال قىلىۋالغان. كېيىن ئافىنا ۋە سىپارتانىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن كېيىن ئارقىمۇ ئارقا ماكېدونىيە ۋە ئالېكساندرنىڭ ۋارىسى (لىسماكوس) ھەمدە رىمغا بېقىندى بولۇپ قالغان. (2) سىتىيادىكى كىرسونېس (Chersoresos Scythiea). يەنى ھازىرقى قىرىم يېرىم ئارىلى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردە قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى ھېراكلىيە شەھىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىرى يېرىم ئارالنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، يەنى ھازىرقى سىۋاستىپولنىڭ يېنىدا بىر شەھەر بەرپا قىلىنغان، بۇنىڭغا ھېراكلىسدىكى كېرسونېس دەپ نام بېرىلگەن. يەنى ھازىرقى خېرسون. بۇ شەھەر ئافىنا ھەمدە يۇناننىڭ باشقا شەھەرلىرى بىلەن سودا قىلغان، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى مۇھىم سودا-سانائەت ۋە مەدەنىيەت شەھىرى بولۇپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى بىر مەھەل پونتوس پادىشاھلىقىغا (كىچىك ئاسىيادا) بېقىندى بولۇپ قالغان، كېيىن ئۇزاق مۇددەتكىچە رىمغا قارام بولغان. رىمنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشىغا ئەگىشىپ، گوتلار، موڭغۇللار ۋە ئوسمان تۈركلىرى قاتارلىق يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. بۇنىڭدىن باشقا سىتسىلىيە، ساردىنىيە، ئېئوبىيە (يۇنان) نىڭ ئاراللىرى ھەمدە شىمالىي ئافرىقا (سىرېنايكا) كېرسونېس نامىدىكى شەھەرلەر بار.

كېرېنىسكى

  • كېرېنىسكى[يەشمىسى:]»(Александр Фёдорович Керенский،1881 —1970) روسىيە بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى (1917). 1904-يىلى پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئادۋوكاتلىق قىلغان. 1912-يىلدىن باشلاپ تۇنجى نۆۋەتلىك دۆلەت دوماسىنىڭ ۋەكىلى بولغان. 1917-يىلدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن سوتسىيال ئىنقىلابچىلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، پېتروگراد سوۋېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت دوماسى ۋاقىتلىق كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولغان. شۇ يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى، 5-ئايدىن باشلاپ قۇرۇقلۇق-دېڭىز ئارمىيىسى مىنىستىرى، 7-ئايدىن باشلاپ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت زۇڭلىسى، 9-ئايدىن باشلاپ قوشۇمچە روسىيە ئارمىيىسى ئالىي باش قوماندانى بولغان. ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان مەزگىلدە بۇرژۇئا، پومېشچىكلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئىچكى جەھەتتە ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى دەھشەتلىك ھالدا باستۇرغان، سىرتقا قارىتا جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىي دەۋرىدە، 1918-يىلى فرانسىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1940-يىلدىن باشلاپ ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇ، «خەلق ئەركىنلىكى كۈرەش ئىتتىپاقى» نى تەشكىللەپ، سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ «بولشېۋىزمنىڭ مۇقەددىمىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

كېرېنىسكى-كراسنوۋ توپىلىڭى

  • كېرېنىسكى-كراسنوۋ توپىلىڭى[يەشمىسى:]» ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن روسىيە ئەكسىلئىنقىلابىي كۈچلىرىنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش غەرىزىدە ئېلىپ بارغان قوراللىق توپىلىڭى. 1917-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆكتەبر ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇپ تاشلانغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى كېرېنىسكى شىمالىي تەرەپ ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شتابى (پىسكوۋ) غا قېچىپ بېرىپ، بۇ جاينى ساقلاۋاتقان ئاتلىق ئەسكەرلەر ئۈچىنچى جۈنتۇەنىنىڭ كوماندىرى كراسنوۋ بىلەن بىرلىكتە 2000 دىن كۆپرەك ئادەم توپلاپ توپىلاڭ كۆتۈرگەن. پېتروگرادقا ھۇجۇم قىلىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى كاچىنا ۋە پادىشاھ يېزىسىنى تارتىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەھەردىكى يونكرلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇتراتقان. سوۋېت ھۆكۈمىتى لېنىن باشچىلىقىدا توپىلاڭچىلارنى بېسىقتۇرۇش كومىتېتى قۇرۇپ، تۈمەنلىگەن قىزىل گۋاردىيە ئەترىتى بىلەن ماتروسلارنى سەپەرۋەر قىلغان. 12-كۈنى پادىشاھ يېزىسىنى ئالغان، 14-كۈنى كاچىنانى قايتۇرۇۋالغان. كېرېنىسكى ئوغرىلىقچە قاچقان، كراسنوۋ قاتارلىقلار ئەسىرگە چۈشكەن، توپىلاڭ تېزلىكتە تىنچىتىلغان.

كېرىم

  • كېرىم[يەشمىسى:]» (Abd Al - Krim، 1880-ياكى 1882 — 1963). ماراكەشنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى كۈرىشىنىڭ يولباشچىسى. قەبىلە باشلىقى (قائىد) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مۇددەررىس ۋە قازى بولغان. 1915-يىلى جاھانگىرلىككە قارشى كۈرەشكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان. 1916-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 1920-يىلى ئاتىسىنىڭ قائىدلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان.1921-يىلى رىف رايونى خەلقىنىڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، رىف جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان. ئىسپانىيە، فرانسىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىگە قارشى كۆپ يىل قاتتىق جەڭ قىلغان.1926-يىلى فرانسىيە ئارمىيىسىگە تەسلىم بولۇپ، رىئونىئون ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1947-يىلى چېگرىدىن چىقىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلىنغان. كېيىن قاھىرەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. 1948 — 1956-يىللىرى مەغرىب ئەرەبلىرى ئازادلىق كومىتېتىغا رەھبەرلىك قىلغان.

كېسون شەھىرى

  • كېسون شەھىرى[يەشمىسى:]» چاۋشيەن پايتەخت ئەتراپى ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى شەھەر. سىئولدىن 78 كىلومېتر يىراقلىقتا بولۇپ، لىچىڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ سول قىرغىقىغا جايلاشقان. كورىيە دەۋرىدە فوسويا ياكى دۇڭبىخۇ دەپ ئاتالغان. سىللا دەۋرىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۇڭيۆ ۋىلايىتى ۋە كېسون ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان. كورىيە دەۋرىدىن باشلاپ چاۋشيەن تارىخىدا مۇھىم ئۇرۇن تۇتقان. كورىيە خانى ۋاڭجەن سۇڭيۆدە تۇغۇلغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن مىلادى 919-يىلى پايتەختنى تېيۋەندىن سۇڭيۆنىڭ جەنۇبىغا يۆتكەپ سۇڭيۆ، كېسون ئىككى ۋىلايەتنى بىرلەشتۈرۈپ كېسون ئايمىقى دەپ ئاتىغان ھەمدە خانلىق پايتەختىنى قۇرۇشقا كىرىشكەن. نامىنى 960-يىلى (گۇاڭ زۇڭ 11-يىلى) كەيجىنگە ئۆزگەرتكەن. 995-يىلى (چىڭ زۇڭ 14-يىلى) يەنە كېسون مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتكەن. 1010-يىلى لياۋ دۆلىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كېسون شەھىرى قولدىن كېتىپ پۈتۈنلەي دېگۈدەك ۋەيران بولغان. 1018-يىلى مەھكىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شاڭشۇدۇ ئۆلكىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە تەسىس قىلىنىپ جىڭجى دەپ ئاتالغان. 1924-يىلى قايتىدىن خانلىق ئوردا بىنا قىلىنغان. 1062-يىلى (ۋىن زۇڭ 16-يىلى) مەھكىمە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1390-يىلى (گوڭ راڭ پادىشاھ 2-يىلى) جىڭجى ئوڭ-سول ئىككى ۋىلايەتكە بۆلۈنۈپ، ئوڭ ۋىلايەتنىڭ قارىمىقىدا بولغان. لى جەمەتىنىڭ چاۋشيەننى گۈللەنگەندىن كېيىن، 1394-يىلى(تەيزۇ 3-يىلى) پايتەخت سىئولغا يۆتكەلگەن.1399-يىلى كېسون يەنە خانلىق پايتەخت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، 1405-يىلىغا كەلگەندە يەنە سىئول پايتەخت قىلىنغان. 1438-يىلى كېسون مۇداپىئەسى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن نەچچە قېتىم يۆتكىلىپ، ياپونىيە1910-يىلى چاۋشيەننى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، يەنە كېسون مەھكىمىسى دەپ ئاتالغان. كورىيە سۇلالىسىنىڭ خانلىق پايتەختى بولغان چاغلاردا ئەڭ روناق تاپقان. لى سۇلالىسىدىن كېيىن سودا مەركىزىي بولۇپ ھېسابات ئۇسۇلى، پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش جەھەتلەردە دۇنياغا داڭق چىقارغان. شۇنداقلا چاۋشيەن مېھرىگىياسى چىقىدىغان ئاتاقلىق جاي، كېسون شەھىرىنىڭ خارابىلىرى كۆپ قېتىملىق ئۇرۇش ئوتلىرىنىڭ ۋەيران قىلىشى تۈپەيلىدىن تامامەن دېگۈدەك يوقاپ كەتكەن. ھازىر ساقلىنىپ قالغان خارابىلاردىن سۇڭيۆ تېغى ئېتىكىدىكى تولۇن ئاي راۋىقىنىڭ ئۇل تاشلىرى ۋە جىن مىڭجۇغا تەقدىم قىلىنغان سوڭياڭ بىلىم يۇرتى ھەم شەنجۇ كۆۋرۈكى ئەڭ داڭلىق، ئورنى چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش ھەربىي چېگرا سىزىقى 38-پاراللېلغا يېقىن بولغاچقا، ئۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بەنمىندىيەنمۇ چاۋشيەن ۋەتەن ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلغان ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن جاھانغا تونۇلغان.

كېڭەش ھۆكۈمىتى

  • كېڭەش ھۆكۈمىتى[يەشمىسى:]» چاۋشيەندىكى لى سۇلالىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى كېڭەش ئورگىنى. كورىيە سۇلالىسى دەۋرىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ كېڭەش ئورگىنى، پايتەخت باسقاق بېگى تەسىس قىلىنغان.1279-يىلى(چوڭليې خانىنىڭ 5-يىلى) پايتەخت كېڭەش مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مۈلكىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلار يىغىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭىشىدىغان، ھەرقايسى ئەمەلدارلىق مەھكىمىلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئەڭ يۇقىرى دۆلەت ئورگىنى بولۇپ قالغان. لى سۇلالىسى دەسلەپكى يىللىرى كۇرىيىنىڭ كونا تۈزۈم-قائىدىلەرگە ۋارىسلىق قىلغان، شۇڭا، پايتەخت كېڭەش مەھكىمىسى كېڭەش ھۆكۈمىتىنىڭ تەكتى بولغان. 1400-يىلى (دىڭجۇڭنىڭ 2-يىلى) ئەمەلدارلىق تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىپ، پايتەخت كېڭەش مەھكىمىسى كېڭەش ھۆكۈمىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئۇ، دىۋان مەھكىمىسى بىلەن ئۈچ مەھكىمە (كېڭەش مەھكىمىسى، خانلىق مەدرىسى، ئەمىر-پەرمان مەھكىمىسى) دىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مۈلكىي ئەمەلدارلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، باش كېڭەش ھەم ئوڭ ۋە سول كېڭەش تەسىس قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىلگەن. ئىككىنچى (تەيزۇڭنىڭ 1-يىلى) دىۋان مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، مەركەزنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى كېڭەش ھۆكۈمىتى باشقۇرىدىغا بولغان. 1405-يىلى (تەيزۇڭنىڭ 5-يىلى) مەنسەپ-تۇتۇق پىرقىسى، نوپۇس پىرقىسى، شىغاۋۇل مەھكىمىسى، لەشكىرىي پىرقە، زىندان پىرقىسى، تەمىرات پىرقىسىدىن ئىبارەت ئالتە پىرقە تەسىس قىلىنىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى باشقۇرۇلغان. كېڭەش ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى تارايغان. 1436-يىلى (شىندۇڭنىڭ 18-يىلى) يەنە ئالتە مەھكىمىنىڭ ئىشلىرىنى كېڭەش ھۆكۈمىتى قاراپ چىقىدىغان بولغان. كېيىنكى چاغلاردا كېڭەش ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئۆزگىرىپ تۇرغان. 1907-يىلىغا كەلگەندە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

كېلانتان

  • كېلانتان[يەشمىسى:]» (Kelantan) مالايادىكى قەدىمكى دۆلەت، مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى كېلانتان رايونىغا جايلاشقان. ئىلگىرى-كېيىن سىرىۋىجايا ۋە مادجاپاخت دۆلەتلىرىگە تەۋە بولغان. 1411-يىلى (مىڭ سۇلالىسى يۇڭلىنىڭ 9-يىلى) پادىشاھ ماخالاچا كۇمار جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. ئىككىنچى يىلى جۇڭگولۇق دېڭىزچى جېڭخى بۇ يەرگە كەلگەن. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مالاككاغا قوشۇلۇپ كەتكەن. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا سىيام (ھازىرقى تايلاند) غا تەۋە بولغان. 1909-يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان.

كېللوگ

  • كېللوگ[يەشمىسى:]» (Frank Billing Kellogg، 1856 — 1937) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن. ياش ۋاقتىدا ئادۋوكات بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ۋەكالەتچى ئەمەلدار بولۇپ ترېسىتقا قارشى دېلولارنى بىرقانچە قېتىم بىر تەرەپ قىلغان. 1917 — 1923-يىللىرى كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان. 1924-يىلى ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. 1925 — 1929-يىللىرى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى رايونىغا قارىتا قوراللىق ئارىلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پاناما بىلەن ئۇرۇش ۋاقتىدا قانالنى ئورتاق مۇداپىئە قىلىش شەرتنامىسىنى ھاسىل قىلغان، كۆپلىگەن كۆچمەنلەرنىڭ چېگرىغا كىرىشىگە قارشى تۇرغان. 1927-يىلى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ياپونىيىنىڭ جەنۋەدە دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى چەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. چىلى، پېرۇ ۋە بولىۋىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تاكنا-يارىكا رايونى ماجىراسىنى ياراشتۇرۇشقا ياردەملەشكەن. 1928-يىلى 15 دۆلەتنىڭ پارىژ «ئۇرۇش قىلماسلىق ئەھدىنامىسى»، يەنى «برىئاند-كېللوگ ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالىشىغا تۈرتكە بولغان. 1929-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.1930 — 1935-يىللىرى مەڭگۈلۈك خەلقئارا ئادىل سوتىنىڭ سودىيىسى بولغان.

كېلىتلار

  • كېلىتلار[يەشمىسى:]»(Celtae) كلاس-سىك (يۇنان، رىم) يازغ-ۇچىلار گاللىلار (Calli)ياكى گالاتېلار(Calatae) دەپمۇ ئاتىغان. قەدىمكى غەربىي ياۋروپا رايونىغا كەڭ تارقالغان قەبىلىلەر گۇرۇھى. كېلىتلار، گاللىلار، گالاتېلارنىڭ ھەممىسى، ئوخشاش بولغان بىر نامنىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشى بولسا كېرەك. تىلى جەھەتتە ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ كېلىت تىل گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ. بۇلارنىڭ ئاساسلىق تارقالغان رايونلىرى: مىلادىدىن 800 يىل ئىلگىرى، ئىپتىدائىي كېلىتلار ئاساسەن ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن Ⅱ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا كېڭىيىپ ھازىرقى فرانسىيە، بېلگىيە (رىملىقلار تاغنىڭ سىرتىدىكى گاللىيە دەپ ئاتىغان)، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي پاد (پو) دەرياسى ۋادىلىرى (رىملىقلار تاغنىڭ ئىچىدىكى ياكى تاغنىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيە دەپ ئاتىغان)، ئىسپانىيە، برىتانىيە ۋە رېين دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى رايونلارغا يېتىپ بارغان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا لاتىن مەدەنىيىتىنى ياراتقان (بۇ شۋېتسارىيىنىڭ لاتىن «Latene» رايونىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان) بولۇپ، بۇ مەدەنىيەتنىڭ مېتال (تۆمۈر، برونزا، ئالتۇن) بۇيۇملىرى ھۈنەر-سەنئىتى خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن ھەمدە كېلىتلار رايونلىرىغا تارقالغان. كېلىتلار قەيسەر، ئۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، دەسلەپكى دەۋردىكى رىمنىڭ سىرتقا قاراپ كېڭەيمىچىلىك قىلىشىدىكى كۈچلۈك رەقىبىگە ئايلانغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 390 يىل ئىلگىرى، ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىن كەلگەن بىر تارماق كېلىتلار (گاللىلار) بىر مەھەل رىم شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، رىملىقلاردىن مىڭ قاداق ئالتۇن ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن شەھەردىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشكە باشلىغان («غازنىڭ رىمنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى» غا قاراڭ). رىمنىڭ قۇدرەت تېپىشىغا ئەگىشىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، رىملىقلار پاد دەرياسى ۋادىلىرى (تاغنىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيە) دىكى كېلىتلارنى بويسۇندۇرغان. مىلادىدىن 51 —58 يىل ئىلگىرى كائېسار تاغنىڭ سىرتىدىكى گاللىيە (فرانسىيە ئەتراپى) نى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن گاللىيە ئۇرۇشىنى قوزغاپ، ۋېشىنگېتورگ رەھبەرلىكىدىكى كېلىتلارنىڭ چوڭ قوزغىلىڭىنى (مىلادىدىن 52 يىل ئىلگىرى) كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاخىرى كېلىتلار مەغلۇپ بولۇپ، رىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالغان. كائېسسار دەۋرىدىكى كېلىتلار ئاساسەن ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ھەربىي دېموكراتىيە باسقۇچىدا تۇرغان، ئۇرۇقداشلىق قەبىلە تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن؛ سىنىپىي بۆلۈنۈش بارلىققا كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، قەبىلە باشلىقلىرى ۋە كاھىنلار ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاھالىلەر ئاممىسىغا (جەڭچىلەرگە) قارىتا مەلۇم ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان. رىملىقلار بەزىدە ئالىپ تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى كېلىتلارنى «ئۇزۇن چاپانلىق گاللىلار» (Gallia Togata) دەپ ئاتىغان. بۇ رىم ئۇزۇن چاپىنىنى (كەڭ چاپان) كىيگۈچى دېگەن بولۇپ، «رىملاشقان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن؛ تاغنىڭ شىمالىدىكى كېلىتلارنى «تۈكلۈك گاللىلار» (Gallia Comata) يەنى مەدەنىيەتسىز «ۋارۋارلار» دەپ ئاتىغان.

كېمالى

  • كېمالى[يەشمىسى:]» (Ismail Qemali، 1844 — 1919) ئالبانىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. فېئودال ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ مەمۇرىي ئورگىنىدا خىزمەت قىلغان. 1900-يىلى ئەتىيازدا مىللىي ھەرىكەت پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بالقاننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى قوغداش، ئالبانىيىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1908-يىلى ياش تۈركىيە پارتىيىسى ئىنقىلابىدا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاقلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ، بالقاندىكى مىللەتلەر بىلەن بىرلىشىپ ياش تۈركىيە پارتىيىسىگە قارشى تۇرغان. كېيىن تۈركىيە پارلامېنتى ئالبانىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۆمىكىگە كىرىپ مۇستەقىللىك ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1912-يىل 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋىلورادا مىللىي مەجلىسكە رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئالبانىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى جاكارلىغان ھەمدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە رەھبەرلىك قىلغان.1914-يىلى 6-ئايدا بېكرگلابېن ۋەقەسىدىن كېيىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.

كېمبىرىج ئېقىمى

  • كېمبىرىج ئېقىمى[يەشمىسى:]»ئەنگلىيىدىكى بۇرژۇئازىيە تارىخشۇناسلىق ئېقىملىرىنىڭ بىرى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شەكىللەنگەن. كېمبىرىج داشۆسىدىكى تارىخشۇناسلار مەركەز قىلىنغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئوكسفورد ئېقىمى بىلەن ئوخشاشلا ئەينى چاغدىكى مەشھۇر تارىخشۇناسلىق ئېقىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى ئېقىم ئوتتۇرىسىدا پرىنسىپال ئىختىلاپ يوق. مەزكۇر ئېقىم ئوكسفورد ئېقىمىغا قارىغاندا تارىخنىڭ نازۇك بىر پەن ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ تەكىتلىگەن ھەمدە يېقىنقى زامان گېرمانىيە تارىخشۇناسلىقىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە چوقۇنغان، ئىنلاركى ئېقىمى تىكلىگەن ئۈلگە «ئوبيېكتىۋىزم» بىلەن «ئىلمىي ئۇسۇل»غا قايىل بولۇپ، يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن، شۇنىڭدەك كۆپلىگەن تارىخچىلار ئىش تەقسىم قىلىپ، كوللېكتىپ ھالدا بىرنەچچە توملۇق «كېمبىرىج يېقىنقى زامان تارىخى» نى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭدىن باشقا دىپلوماتىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. مەزكۇر ئېقىم سېللېيدىن (John Robert Seeley، 1834 — 1895) باشلىنىپ، ئاكتونغا بارغان مەزگىلدە مۇھىم تەرەققىياتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ كېيىنكى داڭلىق ۋەكىلى بورى بولۇپ، ئۇ «كېمبىرىج قەدىمكى زامان تارىخى» ۋە «كېمبىرىج ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى» نىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. كېمبىرىج ئېقىمى رىياسەتچىلىكىدە تۈزۈلگەن «كېمبىرىج ئومۇمىي تارىخىي ھازىرقى زامان غەرب تارىخشۇناسلىقىدىكى مۇھىم مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ، مۇئەييەن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. 

كېنەز

  • كېنەز[يەشمىسى:]»(1) قەدىمكى رۇسلارنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانىنىڭ نامى. قەدىمكى پراۋوسىلاۋىيانلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى پارچىلانغان چاغدا، كۈچلۈك قەبىلە باشلىقى ئۆز ئەتراپىدىكى قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئۆزىنى گېرتسوگ (شاھزادە-بەگلەر) دەپ ئاتاپ، قەبىلىلەر ئىتتىپاقى تۈزگەن. بۇ قەبىلىلەر ئىتتىپاقلىرى مىلادى Ⅷ ئەسىردىن مىلادى Ⅸ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا تەرەققىي قىلىپ دۆلەتكە ئايلىنىپ، كېنەزلىك دەپ ئاتالغان. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، نوۋگورود كىنەزى ئولېگ كىيېۋنى ۋە يېقىن ئەتراپىدىكى كىنەزلىكلەرنى بويسۇندۇرۇپ، كېنەز (Великий Князь) دەپ ئاتاپ، كىيېۋ-رۇس كېنەزلىكىنى قۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىن كىيېۋ-رۇس كىنەزلىكىنىڭ باشلىقى كېنەز دېگەن نامنى داۋاملىق قوللانغان، ئەمما ئۆز قارىمىقىدىكى كىنەزلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى يەنىلا گېرتسوگ دەپ ئاتالغان. ⅪⅤ ئەسىردىن ⅩⅤ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، رۇسلار پەيدىنپەي قۇدرەت تېپىپ، كىنەزلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى مەسىلەن، موسكۋا گېرتسوگى، تېۋىل گېرتسوگى قاتارلىقلار ئۆزلىرىنى يەنىلا كېنەز دەپ ئاتاپ ئۆزىنىڭ بېقىندىلىرىنى گېرتسوگ دەپ ئاتىغان. ھوقۇق مەركەزلەشكەن ھۆكۈمرانلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ھوقۇق موسكۋا چوڭ كىنەزىنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن. 1547-يىلى موسكۋا كېنەزى ئىۋان Ⅵ ئۆزىنى چار پادىشاھ (царь) دەپ رەسمىي ئاتىغان. لېكىن كېنەز دېگەن نامنى يەنىلا ساقلاپ قالغان. 1721-يىلى پېتر Ⅰ ئۆزىنى ئىمپېراتور (Император) دەپ ئاتىغاندىن كېيىن، كېنەز كورولىنىڭ ئەۋلادلىرىغا بېرىلىدىغان ئۇنۋان بولۇپ قالغان. (2) ⅩⅢ ئەسىردىن كېيىن ئىسپانىيىنىڭ ئالىي دەھرىي ئاقسۆڭەكلەر ۋە چېركاۋ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۇنۋانى. 1931-يىلى پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، كېنەز دېگەن ئۇنۋان بىكار قىلىنغان. (3) ئاۋسترىيىنىڭ ھابسبۇرگ پادىشاھ جەمەتىدىكى بىر خىل ئۇنۋان (Erzherzog) ئىدى. 1453-يىلىدىن كېيىن، پادىشاھنىڭ بالىسى ياكى پادىشاھنىڭ جىيەنىگە بېرىلىدىغان ئۇنۋان بولۇپ قالغان. (4) غەربىي ياۋروپادىكى بەگلىكلەردە پادىشاھ بىلەن گېرتسوگ ئوتتۇرىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنۋانى (ئەنگلىيىدە Granduke، فرانسىيىدە ducIgrand، ئىتالىيىدە granduca، گېرمانىيىدە nerzo-Grossg دەپ ئاتالغان). بۇ ئۇنۋانلار 1567-يىلى پاپا تەرىپىنى تەسىس قىلىنغان. 

كېنەز ستېۋان

  • كېنەز ستېۋان[يەشمىسى:]» (Stevan، تەخمىنەن 1433 — 1504)، يەنى ستېۋانⅢ. مولدوۋا كېنەزى (1457 — 1504). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، مولدوۋا خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، تۈركىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا باتۇرلۇق بىلەن زەربە بەرگەن. 1474-يىلى تۈركىيە سۇلتانى مۇھەممەد Ⅱ سۇلايمان پاشانى 120 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىنى باشلاپ مولدوۋاغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن. كېلەركى يىلى 1-ئايدا، ستېۋان ۋاسلۇئى (Vaslui، ھازىرقى رومىنىيىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان) دىكى بىر ئېگىز كۆۋرۈكنىڭ يېنىدا تۈركىيە قوشۇنىنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان، تارىختا بۇ جەڭ «ئېگىز كۆۋرۈك جېڭى» دەپ ئاتالغان. 1476-يىلى يازدا مۇھەممەد Ⅱ ئون نەچچە تۈمەن كىشىلىك چوڭ قوشۇنغا شەخسەن ئۆزى باشچىلىق قىلىپ، مولدوۋاغا يەنە ھۇجۇم قىلغان. شۇ يىلى 7-ئايدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە، ستېۋان تۈركىيە قوشۇنىنى يەنە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان، ئەمما كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا پەرق زور بولغانلىقتىن، ئاخىرى 1487-يىلى تۈركىيىگە ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 

كېنتاكى قانۇنى

  • كېنتاكى قانۇنى[يەشمىسى:]» ياپونىيە كورى شىمونى شوگنات تەسىس قىلىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان سىياسىي پروگرامما. 1336-يىلى (كىنتاكىنىڭ 3-يىلى) كورى شىمونى نانمو كونارىنى تارمار قىلىپ، كيوتونى ئىشغال قىلغان. تېننو كونىدىئومېينى ھىمايە قىلغان؛ نيوخى قاتارلىقلارنىڭ سىياسىي فاڭجېن ھەققىدە بەرگەن مەسلىھىتى بويىچە 17 ماددا تۈزۈپ چىققان، بۇلار ئىقتىساد قىلىشنى يولغا قويۇش، توپلىشىپ يەپ-ئىچىپ، لاغايلاپ يۈرۈشنى توسۇش؛ زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇش، خۇسۇسىي تۇرالغۇ جايلارنى ئېنىقلاشنى توختىتىش؛ پايتەختتىكى بوش يەرلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئىشتا سۇسلۇق قىلىشىنى مەنئى قىلىش، پارا ئېلىشنى چەكلەش، ئەدەب-قائىدىلىك بولۇش، پاكلارنى مۇكاپاتلاش، نامرات ئاجىزلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى ئاڭلاش قاتارلىقلار. 1338-يىلى كويىنىڭ چوڭ سىياگۇنلۇقىغا تەيىنلىنىپ، كىيوتودىكى مورۇماچىدا شوگنات تەسىس قىلغان. 

كېنتال

  • كېنتال[يەشمىسى:]»(Antero Tarquinio de Quental، 1842 — 1891) پورتۇگالىيىلىك شائىر ۋە ئەدەبىي تەنقىدچى. 1858 — 1864-يىللىرى كوئىمبرا ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئۆگەنگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن لىسابون ۋە پارىژدا نابورچىك بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى بىلەن پىششىق تونۇشقان. 1869-يىلى پاراخوت بىلەن ئامېرىكا ۋە كاناداغا بارغان. جۇمھۇرىيەتنى تەشەببۇس قىلىپ، ئولىۋېيرا ماتنىس بىلەن ھەمكارلىشىپ «جۇمھۇرىيەت» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان. بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال پورتۇگالىيە ياچېيكىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە قاتناشقان ھەمدە «ئىجتىمائىي پىكىر» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ، پرۇدونچىلىقنى تەشۋىق قىلغان. «ئەدەبىيات غۇرۇرى ۋە ھۆكۈمەت ئەدەبىياتى» ناملىق كىتابچىسىدا مېنىڭ ۋەزىپەم «ئىنقىلابنىڭ ئاۋازى» بولىدىغان يېڭى شېئىرلارنى ئىجاد قىلىش دېگەن. «ھازىرقى زامانغا مەدھىيە» ۋە «14 مىسرالىق شېئىرلار توپلىمى» ناملىق ئەسەرلىرىدە خەلقنى ئىنقىلابىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. كېيىنكى مەزگىلدىكى ئەسەرلىرى ئۈمىدسىزلىك ۋە مىستىتىسزم تۈسىنى ئالغان. 1891-يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. 

كېنتال يىغىنى

  • كېنتال يىغىنى[يەشمىسى:]»ئىككىنچى قېتىملىق سىممېرۋالد يىغىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1916-يىل 4-ئاينىڭ 24 — 30-كۈنلىرى شۋېتسارىيىدىكى كېنتال (Kinental) دا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيى. يىغىنغا قاتناشقان 43 نەپەر ۋەكىل ئىچىدە سولچىلارنىڭ ۋەكىلى 12 نەپەر بولۇپ، ئالدىنقى قېتىمقى يىغىنغا قارىغاندا خېلى كۆپەيگەن. لېكىن يەنىلا ئاز ساننى تەشكىل قىلغان. يىغىندا ئاساسەن پرولېتارىياتنىڭ ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇش، تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئاممىۋى كۈرەشكە قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان. لېنىن ۋە سولچىلارنىڭ چىڭ تۇرۇشى ئارقىسىدا، يىغىندا سوتسىيال تىنچلىقپەرەسلىك ۋە خەلقئارا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ئىجرائىيە بيۇروسىنىڭ سوتسىيال شوۋىنىزملىق مەيدانىنى ئەيىبلەيدىغان قارار ماقۇللانغان. يەنە «ۋەيران بولغان ۋە زىيانكەشلىككە ئۈچرىغان خەلقلەرگە مۇراجىئەتنامە» نى ماقۇللاپ، پرولېتارىياتنى جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇپ، يەر بۆلۈپ بەرمەيدىغان، تۆلەم تۆلىمەيدىغان تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرغان؛ سوتسىيالىستلار پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرىدىن جاھانگىر ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەربىي سىياسىتىنى قوللاشنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان؛ كاپىتالىستىك جەمئىيەت ئاساسىدا مۇستەھكەم تىنچلىق ئورنىتىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، سوتسىيالىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىلا مۇستەھكەم تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. لېكىن يىغىن لېنىن تۈزۈپ چىققان روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپ-لايىھىسىنى قوبۇل قىلمىغان، بولشېۋىكلارنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلاندۇرۇپ، ئۆز دۆلەت ھۆكۈمىتىنى ئۇرۇشتا مەغلۇپ قىلىپ، ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇش قاتارلىق ئاساسىي پرىنسىپىنى قوبۇل قىلمىغان. لېنىن باشچىلىقىدىكى سولچىلار يىغىنىنىڭ قارارى ۋە خىتابنامىسىنى ئاۋاز بېرىپ قوللىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بەزى مەسىلىلەردە ئۆز پوزىتسىيىسىنى ساقلاپ قالغان. بۇ قېتىمقى يىغىن ھەرقايسى ئەل سولچىلىرىنىڭ ئېڭىنى ئۆستۈرگەن، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە كېيىن ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىدىيە جەھەتتە ۋە تەشكىلىي جەھەتتە ھازىرلىق كۆرۈپ بەرگەن. 

كېنتېربۇرىي چېركاۋى

  • كېنتېربۇرىي چېركاۋى[يەشمىسى:]» ئەنگلىيىدىكى مەشھۇر كاتولىك چېركاۋى بولۇپ، كېنتېر ۋىلايىتىگە جايلاشقان. مىلادى 597-يىلى مىسسىئونېر سېن. ئاۋگوستىن تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. رىم ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1067-يىلى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. كېيىن يىڭىباشتىن قۇرۇلغان. 1130-يىلى كېڭەيتىپ قۇرۇلغان. 1380-يىلدىن كېيىن گۇت ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1170-يىلى ئەنگلىيىلىك ئارخىئېپىسكوپ توماس بېكېت مۇشۇ چېركاۋدا ئۆلتۈرۈلگەن ھەمدە شۇ يەرگە دەپن قىلىنغان. كېيىن بۇ چېركاۋ ئەنگلىيە كاتولىك دىنىي مۇرىتلىرىنىڭ ھەج-تاۋاب قىلىدىغان مۇقەددەس جايىغا ئايلىنىپ قالغان. 

كېننېدى

  • كېننېدى[يەشمىسى:]»(John Fitzgerald Kennedy، 1917 — 1963) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1961 — 1963). دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. ماسساچۇسېتىس شتاتىنىڭ بوستون شەھىرىدە باي ئائىلىدە تۇغۇلغان. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دېڭىز ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن، تىنچ ئوكيان رايونىدىكى جەڭگە قاتنىشىپ، پورۇچىك ھەربىي ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن بىر مەزگىل مۇخبىر بولغان. 1946-يىلى ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان؛ 1952-يىلى كېڭەش پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1959-يىلى ئىشچىلارغا قارشى «كېننېدى-ئىرۋىگ قانۇنى» نى تەييارلىغۇچىلارنىڭ بىرى. 1960-يىلدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىدە غەلىبە قىلىپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ياش زۇڭتۇڭ بولغان، شۇنداقلا ئۇ ئامېرىكىدىكى كاتولىكلاردىن بولغان تۇنجى زۇڭتۇڭ ھېسابلىنىدۇ. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە «يېڭى چېگرا» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، باج ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش، ياشانغانلارنى داۋالاش سۇغۇرتىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، گراژدانلىق ھوقۇقىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارغا ۋەدە بەرگەن. لېكىن كۆپىنچىسى ئەمەلگە ئاشمىغان. تاشقى جەھەتتە «پۈتۈن يەر شارى ستراتېگىيىسىنى»، «جانلىق ئىنكاس» ستراتېگىيىسىنى يولغا قويغان؛ «تىنچلىق ئەترىتى» قۇرغان؛ ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى رايونىغا سىڭىپ كىرىپ، ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان ھەمدە ئۇنى كېڭەيتكەن، كۇباغا تاجاۋۇز قىلىش يولىدا كېلوم ساھىلى ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان. 1963-يىل 11-ئاينىڭ 22-كۈنى تېكساس شتاتىدىكى داللاس شەھىرىدە سۇيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلگەن. «ئەنگلىيە نېمە ئۈچۈن قاتتىق ئۇيقۇدىن ئويغانمايدۇ»، «قەھرىمان كىشىلەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

كېنىف ئۆڭكۈرى

  • كېنىف ئۆڭكۈرى[يەشمىسى:]» (Keniff) ئاۋس-ترالىيى-نىڭ كۋېنسىلېند (Queensland) شتاتىدىكى بىر ئۆڭكۈر. 1960-يىلدىن باشلاپ تەكشۈرۈلگەن. ئۆڭكۈردىكى توپا دۆۋىسى نىسبەتەن قېلىن بولۇپ، ئاۋسترالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بارلىق تاش قوراللارنىڭ تىپىنى بۇ يەردىن قېزىۋېلىشقا بولىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. رادىئوئاكتىپلىق كاربون ئارقىلىق دەۋرگە بۆلۈپ ئۆلچەشكە ئاساسەن، ئۆڭكۈرنىڭ ئاستىنقى قاتلىمى دەۋرىنىڭ ھازىرغىچە بولغان ۋاقىت ئارىلىقى 16 مىڭ يىل قىلىپ بېكىتىلگەن، كېسىش-قىرىش قوراللىرى قېزىۋېلىنغان. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىكى يەر قاتلىمىدىن باشلاپ قارىغاندا تاش قوراللارنىڭ شەكلى ۋە ئۇنى ياساش تېخنىكىسىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ياغاچ ساپ بېكىتىپ ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان كىچىك تىپتىكى تاش قوراللار بارلىققا كەلگەن، تاش يوپۇرماق، گېئومېترىيىلىك شەكىلدىكى سىپتا تاش قورال، «پىرىل» شەكلىدىكى ئۆتكۈر بىسلىق تاش قورال قاتارلىقلار ئاساسلىق ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. خارابىنىڭ ئىچىدىن تېپىلغان قىزىل تۆمۈر رۇدا پارچىسى ئېھتىمال بەدەن، قازان-قومۇچ ياكى ئۆڭكۈر تاملىرىدىكى رەسىملەرگە سۈرتۈلگەن بوياق بولۇشى مۇمكىن. 

كېيتا

  • كېيتا[يەشمىسى:]»(Modibo Keita، 1915 — 1977) مالىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى (1960 — 1968). باماكو شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1930-يىلى داھار ۋېليام پېندى مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ئوقۇتقۇچى بولغان. 1945-يىلى سۇدان گۇرۇھىنى تەشكىللەشكە ياردەملەشكەن. 1946-يىلى سۇدان ئىتتىپاقىنى بەرپا قىلىپ، ئۇنى ئافرىقا دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ ياچېيكىسى قىلغان. پارىژدا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە سولانغان. 1947-يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن سۇدان ئىتتىپاقى پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1948-يىلى سۇدان خوجىلىق يېرى پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1950-يىلى فرانسىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەھرادا ئوقۇتقۇچى بولۇشقا سۈرگۈن قىلىنغان. 1952-يىلى يەنە سۇدان خوجىلىق يېرى پارلامېنتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى بولغان. 1956-يىلى فرانسىيە مىللىي پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى بولغان. 1959-يىلى مالى قوشما شتاتى (سېنېگال بىلەن مالىدىن تەشكىل تاپقان) نىڭ زۇڭلىسى بولغان.1960-يىل 9-ئاينىڭ 22-كۈنى مالى مۇستەقىل بولغاندا، زۇڭتۇڭ، قوشۇمچە زۇڭلى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە تىنچ بىتەرەپ تۇرۇش ۋە ئىتتىپاق تۈزمەسلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئافرىقا مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنى قوللىغان. 1964-يىلى جۇڭگونى زىيارەت قىلغان. 1968-يىلى نويابردىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتە قولغا ئېلىنىپ، سولاقتا ئۆلۈپ كەتكەن. 

كېيتېل

  • كېيتېل[يەشمىسى:]»(Wilhelm Keitel، 1882 — 1946) ناتسىست گېرمانىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى، ئۇرۇش جىنايەتچىسى. كەسپىي ھەربىيلىكتىن كېلىپ چىققان. 1938-يىلى گىتلېر تەرىپىدىن گېرمانىيە قوراللىق قىسىم ئالىي باش قوماندانلىق شتابىنىڭ ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1940-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشاللىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا باشتىن-ئاخىر گىتلېرنىڭ بۇيرۇقىنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئالىي باش قوماندانلىق شتابىدا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن نيۇرنبېرگ خەلقئارا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 

كېينېس

  • كېينېس[يەشمىسى:]»(John Maynard Keynes، 1883 — 1946) ئەنگلىيىلىك بۇرژۇئا ئىقتىسادشۇناسى، كېينېسچىلىقنىڭ ئاساسچىسى. ياش ۋاقتىدا كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىساد ئوقۇغان. ئۇزاق ۋاقىت كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس ئۆتكەن ۋە «ئىقتىسادشۇناسلىق ژۇرنىلى» نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان، قوشۇمچە ئەنگلىيە مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مەسلىھەتچىسى ھەم ئەنگلىيە بانكىسىنىڭ دىرېكتورى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. ھۆكۈمەت ئىقتىسادقا ئاكتىپ ئارىلىشىپ، قەغەز پۇلنى باشقۇرۇش چارىسى ئارقىلىق كاپىتالىستىك ئىقتىسادنى تۇراقلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. 1929 — 1933-يىللىرىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىسى مەزگىلىدە، كېيىنېسچىلىق بىر مەزگىل ئەۋج ئالغان، نۇرغۇن كاپىتالىستىك دۆلەتلەر بۇ نەزەرىيىگە ئاساسەن ھۆكۈمەت تەرەپتىن سىياسەت تۈزۈپ ئىقتىسادقا ئارىلاشقان. كېينېس ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبى ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، يەنى جەمئىيەتتە ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئېھتىياجنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى. شۇڭا دۆلەت مۇۋاپىق سىياسەت قوللىنىپ، ئىقتىسادنى تەڭشەپ، «ئۈنۈملۈك ئېھتىياج» نى كۆپەيتكەندىلا كرىزىسنى يوقىتالايدۇ، ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ، دەپ ھېسابلىغان. لېكىن ئۇ، پەقەت پۇل ئوبوروتى مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئىقتىسادىي ھادىسىلەردىكى ئۆزگىرىشنى چۈشەندۈرۈپ، كاپىتالىستىك ئىقتىسادنىڭ ماھىيىتىنى كۆرمىگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «پۇل ئىسلاھاتى توغرىسىدا»، «پۇل نەزەرىيىسى»، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆسۈم ۋە پۇل ئوبوروتى توغرىسىدا» قاتارلىقلار بار. 

كېيىنكى پېكچې

  • كېيىنكى پېكچې[يەشمىسى:]»«كېيىنكى ئۈچ دۆلەت» كە قارالسۇن. 

كېيىنكى كوگۇريو

  • كېيىنكى كوگۇريو[يەشمىسى:]»چاۋشيەندىكى كېيىنكى ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرى. مىلادى 901-يىلى گوڭيى كوگۇريودىن قىساس ئېلىش ئۈچۈن، سونگدو (ھازىرقى كائېسوڭ) دا پادىشاھ بولغان. 904-يىلى موجېن ناملىق دۆلەت قۇرغان. 911-يىلى دۆلەت نامىنى تخېبونغا ئۆزگەرتكەن. 918-يىلى ۋان گون گوڭيىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ پادىشاھ بولغان، دۆلەت نامىنى كورىيە دەپ ئۆزگەرتىپ، سونگدونى پايتەخت قىلىپ، نامىنى كەيجىڭغا ئۆزگەرتكەن. 935-يىلى سىللانى قوشۇۋېلىپ، 936-يىلى كېيىنكى پېكچېنى يوقىتىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يېڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. 

كېيىنكى ئۇمەييە سۇلالىسى

  • كېيىنكى ئۇمەييە سۇلالىسى[يەشمىسى:]» («كېيىنكى كوردوۋا خەلىپىلىكى دۆلىتى» گە قارالسۇن.)

كېيىنكى ئۈچ دۆلەت

  • كېيىنكى ئۈچ دۆلەت[يەشمىسى:]»چاۋشيەندىكى سىللا، كېيىنكى پېكچې، موجېن (كېيىنكى كوگۇريو، تخېبون <Тхебон> 918-يىلدىن كې-يىن پادىشاھلىق كورىيە گە ئۆزگەرتىلگەن) دىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ. مىلادى 900-يىلى (سىللانىڭ پادىشاھى شياۋگوڭنىڭ تۆتىنچى يىلى)، غەربىي جەنۇب دېڭىز مۇداپىئەسىنىڭ مۇئاۋىن سەركەردىسى جېن شۇەن كېيىنكى پېكچېنىڭ پادىشاھى بولۇپ، ۋەنشەنجو(جېئونرا-بۇگدو جېئونجۇ) نى پايتەخت قىلىپ، يېرىم ئارالنىڭ غەربىي جەنۇب رايونىنى ئىگىلىگەن. 901-يىلى، سىللا ئاقسۆڭىكى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان راھىب گوڭيى پادىشاھ بولۇپ، سونگدو (كيوڭگى-دودىكى كائېسوڭ 905-يىلى چولۋونغا كۆچۈرۈلىدۇ) نى پايتەخت قىلغان، 904-يىلى موجېن ناملىق دۆلەت قۇرۇلۇپ، 911-يىلى نامىنى تخېبونغا ئۆزگەرتىپ، يېرىم ئارالنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى ئىگىلىگەن (كېيىنكى كوگۇريو دەپمۇ ئاتىلىدۇ). سىللا ھاكىمىيىتى شەرقىي جەنۇبىنىراق ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ دۆلەتنىڭ داڭقان پۇتى ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. 918-يىلى گوڭيىنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردە ۋان گون تخېبون ھاكىمىيىتىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ، دۆلەت نامىنى كورىيىگە ئۆزگەرتكەن. 935-يىلى، سىللانىڭ پادىشاھى جىڭشۈن ۋان گونغا تەسلىم بولغان. 936-يىلى، ۋان گون كېيىنكى پېكچېنى يوقاتقان. كېيىنكى ئۈچ دۆلەتنىڭ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش دەۋرى ئاخىرلىشىپ، كورىيە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. 

كىئانو

  • كىئانو[يەشمىسى:]»(Galeszza Gianno، 1903 — 1944) ئىتالىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1936 — 1943)، فاشىست كاتتىباشلارنىڭ بىرى. دېڭىز ئارمىيىسى گېنېرالى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. رىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئۆگەنگەن. 1925 — 1930-يىللىرى ئىتالىيىنىڭ برازىلىيە، ئارگېنتىنا ۋە جۇڭگودا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىمى بولغان. 1930-يىلى مۇسسولىننىڭ چوڭ قىزى بىلەن توي قىلغان. 1935-يىلى تەشۋىقات ۋەزىرى بولغان. 1936-يىلىدىن باشلاپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ، «بېرلىن-رىم-توكيو ئوق مەركىزى» نى پىلانلىغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان. 1943-يىلى 2-ئايدا ئىتالىيە ھەربىي ئىشلاردا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىغا تەسلىم بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ، ۋاتىكاندا تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. شۇ يىلى 7-ئايدا، فاشىستلارنىڭ ئەڭ ئالىي يىغىنىدا، مۇسسولىنغا قارشى تۇرۇپ ئاۋاز بەرگەن. 12-ئايدا گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئىككىنچى يىلى 1-ئايدا شىمالىي ئىتالىيە فاشىست قورچاق ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 1939 — 1943-يىللىرىدىكى كۈندىلىك خاتىرىلىرى نەشىر قىلىنغان. 

كىبى نوماكىبى

  • كىبى نوماكىبى[يەشمىسى:]»(تەخمىنەن 694 — 775) ياپونىيە نارا دەۋرىدىكى ئالىم، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار. مىلادى 707-يىلى گېن ئاكى(؟—746)، ئابې ناكامارو قاتارلىقلار بىلەن، تاڭ سۇلالىسىگە بېرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا جۇڭگوغا كېلىپ، 19 يىل تۇرۇپ قايتىپ كېتىپ، تاڭ سۇلالىسى قائىدە-يوسۇنلىرى، تارىخشۇناسلىق، مۇزىكا قاتارلىق كىتابلارنى يازغان. 752-يىلى يەنە تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن مۇئاۋىن ئەلچى بولۇپ، باش ئەلچى فۇجىۋارا كىيوكاۋا قاتارلىقلار بىلەن جۇڭگوغا كەلگەن. 754-يىلى ياپونىيىگە قايتىپ كېتىپ، تەدرىجىي ئۆسۈپ مۇئاۋىن ۋەزىر بولغان. 771-يىلغا كەلگەندە ئىستېپا بەرگەن. ئاسمان جىسىملىرى، ھەربىي ئىشلار، كالېندار ۋە فونېتىكا ئىلىملىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن. «خۇسۇسىي مائارىپنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى» دېگەن ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭ پارچىلىرىلا ساقلىنىپ قالغان. 

كىپلىڭ

  • كىپلىڭ[يەشمىسى:]»(Joseph Rudyard Kipling، 1865 — 1936) ئەنگلىيىلىك ئەدىب. ھىندىستاندا تۇغۇلغان. ئالتە يېشىدا ئەنگلىيىگە ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلگەن. كېيىن ھىندىستانغا قايتىپ كېتىپ ئاخبارات مۇخبىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەدەبىي يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1889-يىلدىن باشلاپ «ئارمىيە خەلق گېزىتى» نىڭ ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بولغان، ئەنگلىيە-بۇر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جەنۇبىي ئافرىقىدا گېزىت چىقىرىپ، ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ھەرىكىتىنى ئاقلىغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «جىم» ناملىق رومانى، «گازارما ناخشىسى» ناملىق شىئېرى ۋە «رىنئون كىتابى» ناملىق بالىلار ھېكايىسى قاتارلىقلار بار. 1907-يىلى رابېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

كىتاساتو شىباسابۇرۇ

  • كىتاساتو شىباسابۇرۇ[يەشمىسى:]»(Kitasato Shibasaburo، 1853 — 1931) ياپونىيىلىك باكتېرىئولوگ. مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى. كۇماموتو ناھىيىسى ئاسۇگۇنىنىڭ كىتاساتو كەنتىدىن. 1883-يىلى توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1885-يىلى گېرمانىيىگە ئوقۇشقا بارغان. 1882-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇپ، مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1915-يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن، باشقىدىن كىتاساتو تەتقىقات ئورنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1917-يىلى كېئىئو ئۇنىۋېرسىتېتى مىدېتسىنا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.1923-يىلى ياپونىيە مىدېتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، گېرمانىيىلىك باكتېرىئولوگ بېرىن بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ، قاتما ئانتىتوكسىن (1890) ۋە بوغما ئانتىتوكسىن (1892) نى كەشپ قىلغان ھەمدە شۋېتسارىيىلىك باكتېرىئولوگ يېشىن بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا بەز چۇماسىنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى — چۇما تاياقچە باكتېرىيىسى (1894) نى ئاجرىتىپ چىققان. 

كىتائىكى

  • كىتائىكى[يەشمىسى:]»(1883 — 1937) ياپونىيىلىك فاشىست نەزەرىيىچى. ئەسلى ئىسمى كىتا تېرۇجىرو. ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىرتتىن ئاڭلىغۇچى ئوقۇغۇچىسى. 1906-يىلى «دۆلەت تۈزۈلمىسى نەزەرىيىسى ساپ سوتسىيالىزم» دېگەن ئەسىرىنى ئۆز خىراجىتى بىلەن نەشىر قىلدۇرغان.1911-يىلقى جۇڭگو شىنخەي ئىنقىلابى ۋاقتىدا جۇڭگوغا كېلىپ سۇڭ جياۋرىن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن يېقىنلاشقان. 1913-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. 1916-يىلى جۇڭگوغا يەنە كېلىپ، شاڭخەيدە «ياپونىيىنى ئۆزگەرتىش قانۇن لايىھىسى پروگراممىسى» دېگەن ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە فاشىستىك ئەسىرىنى يازغان. 1920-يىلى مەملىكىتىگە قايتىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، يۇزۇڭشا ۋە شىكدىشا دېگەن ئوڭ قانات تەشكىلاتلارنى قۇرغان. 1931-يىلى مارت ۋەقەسى ۋە ئۆكتەبر ۋەقەسىنى پىلانلاشقا قاتنىشىپ، تېننو تۈزۈمىدىكى ھەربىي فاشىستىك ھەرىكەتلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن. 15-ماي ۋەقەسىدە ئۇ، ئوكاۋاشۇمېي، تاچىبانا كوزا بۇرولار بىلەن بىللە «ئۈچ چوڭ تېرورچى»دەپ ئاتالغان. 26-فېۋرال ۋەقەسىدە ئۇ پەردە ئارقىسىدىكى داھىي سۈپىتىدە قولغا ئېلىنىپ، 1937-يىلى 8-ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىن ئۈچ توملۇق «كىتائىكى ئەسەرلىرى توپلىمى» نەشىر قىلىنغان. 

كىتا ي-ائو

  • كىتا ي-ائو[يەشمىسى:]» مى-لادى Ⅲ ئەسىردىكى ياپونىيە ياماتو دۆلىتىنىڭ ئايال پادىشاھى. جۇڭگونىڭ «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى. ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ تەزكىرىسى. ياپونلار ھەققىدە قىسسە»دە مەلۇمات بېرىلگەن. ئايال پادىشاھ ھەم دىنىي داھىي بولغان ھەمدە يېقىن ئەتراپتىكى 20 نەچچە ئۇششاق بەگلىكلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئېرى يوق، ئىنىسى ئۇنىڭغا نائىبلىق قىلغان، ئۇنى كۈتىدىغان 1000 دىن ئارتۇق كېنىزىكى بولغان. ئوردىنى ئەسكەرلەر مۇھاپىزەت قىلغان. ۋېي پادىشاھلىقى جىڭچۇنىڭ 2-يىلى(مىلادى 238-يىلى، ياپونىيە ئالىملىرى ئىچىدە جىڭچۇنىڭ 3-يىلى دېگەن قاراشمۇ بار) تەپتىش بېگى نان ماسۇكومېينى ۋېي پادىشاھلىقىغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن، ۋېي پادىشاھى مىڭدى كىتايا ئوغا «ۋېيپەرەس ياپون پادىشاھى» دەپ نام بەرگەن. جېڭشىنىڭ 1-يىلى (240) ۋېي پادىشاھى چىۋاڭ ياپونىيىگە ئەلچى ئەۋەتكەن. كېيىن يەنە كۆپ قېتىم باردى-كەلدى قىلىشقان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ياسىتىلغان قەبرىنىڭ دىئامېترى 100 قەدەمدىن ئاشقان، 100 دىن ئارتۇق كىنىزەك قوشۇپ دەپنە قىلىنغان. ئەر پادىشاھ ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، پۇقرالار قايىل بولمىغاچقا، ئايال پادىشاھنىڭ جەمەتىدىن بولغان يىيۇي دېگەن ئايالنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن. بۇنىڭدىن ياپونىيىنىڭ شۇ چاغدا ماترىئارخاللىق تۈزۈمدىكى جەمئىيەتتىن پاترىئارخاللىق تۈزۈمدىكى جەمئىيەتكە ئۆتۈش دەۋرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

كىتسۇ توشنارى

  • كىتسۇ توشنارى[يەشمىسى:]»(؟ — 842) ياپونىيە پىڭئەننىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئەمەلدار، خەتتات. سول قول ۋەزىر كىتسۇ مۇروي (684 — 757) نىڭ چەۋرىسى. مىلادى 804-يىلى (يەنى 23-، تاڭ سۇلالىسى جېڭيۇەن 20-يىلى) ئوقۇش ئۈچۈن راھىب زۇدېڭ، كۇڭخەي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلىدىغان باش ئەلچى فوجىۋارامارو (765 — 818) گە ئەگىشىپ جۇڭگوغا كەلگەن. خەتتاتلىق قابىلىيىتى يۇقىرى بولۇپ كىشىلەر ئۇنى كىتسۇ شيۇسەي دەپ ئاتاشقان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن كېسەل سەۋەبى بىلەن خىزمەتنى تاپشۇرۇۋالمىغان، دائىم لىشۇ ئۇسلۇبىدا ھېكمەتلىك مەسنەۋى يازغان. ۋاڭ شىجىنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن خەت يېزىشقىمۇ ئۇستا بولغان. كېيىن خاننىڭ زاپاس ئېتىغا قارىغۇچى بولغان. 842-يىلى (چېڭخې 9-يىلى) شاھزادىنى تەختكە چىقارماقچى بولغان، دەپ پاش قىلىنغانلىقى ئۈچۈن تومو قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە قولغا ئېلىنىپ ئىزوغا سۈرگۈن قىلىنغان، ئىزوغا بېرىش سەپىرىدە كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ خەتلىرى ساگا تېننو ۋە كوڭخەي بىلەن بىللە «ئۈچ قەلەم» دەپ تەرىپلەنگەن. 

كىچىك ئانتانتا

  • كىچىك ئانتانتا[يەشمىسى:]»بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، چېخوسلوۋاكىيە، يۇگوسلاۋىيە ۋە رومىنىيە فرانسىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا قۇرغان ھەربىي سىياسىي ئىتتىپاق. ئۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە قاتارلىق چوڭ ئانتانتا دۆلەتلەردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. ۋېرسال سىستېمىسىنى قوغداش، گېرمانىيە، ۋېنگرىيە ۋە بۇلغارىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن چېخوسلوۋاكىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە 1920-يىلى 8-ئايدا ئىتتىپاق شەرتنامىسىنى تۈزگەن؛ چېخوسلوۋاكىيە بىلەن رومىنىيە 1921-يىلى 4-ئايدا ئىتتىپاق شەرتنامىسىنى تۈزگەن؛ رومىنىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە 1921-يىلى 6-ئايدا ئىتتىپاق شەرتنامىسىنى تۈزگەن. بۇ شەرتنامىلەر «كىچىك ئانتانتا دۆلەتلىرى» گۇرۇھىنىڭ ئاساسىدۇر. فرانسىيە ئۈچ دۆلەت بىلەن ھەربىي شەرتنامە تۈزگەنلىكى ئۈچۈن، كىچىك ئانتانتا دۆلەتلىرى ئەمەلىيەتتە فرانسىيىنىڭ ياۋروپاغا خوجا بولۇش ھوقۇقىنى تالىشىدىغان قورالىغا ئايلىنىپ قالغان. 1933-يىلى 2-ئايدا ئۈچ دۆلەت جەنۋەدە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، «كىچىك ئانتانتا دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەھدىنامىسى» نى تۈزگەن. ئۇنىڭدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتلىرىنى تەڭشەش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى يولغا قويۇش ئۈچۈن دائىمىي كومىتېت ۋە دائىمىي كاتىبات باشقارمىسى قۇرۇلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. 1933-يىلى 3-ئايدا گېرمانىيە چېخوسلوۋاكىيىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، كىچىك ئانتانتا دۆلەتلىرى پارچىلىنىپ كەتكەن. 

كىچىك تارىخ

  • كىچىك تارىخ[يەشمىسى:]» (Culavamsa) «كىچىك خاننىڭ ھۆكۈمرانلىق تارىخى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. سەيلۇن (بۈگۈنكى سرىلانكا) نىڭ يىلنامىسى. بۇ تارىخ داستان تەرىقىسىدە بالى يېزىقى بىلەن يېزىلغان. «بۈيۈك تارىخ» نىڭ داۋامى. ئۇنىڭدا مىلادى Ⅳ ئەسىردىن ⅩⅧ ئەسىرگىچە ئۆتكەن پا- دىشاھلىقنىڭ گۈللىنىش ۋە خارابلىشىشى، بۇددا دىنىنىڭ تەرەققىيات تارىخى بايان قىلىنغان. ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن، بۇ ئەسەرنىڭ 1-قىسمىنى (ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە) ئاقساقال داموكىتتى (Dhammakitti) يازغان. ئۇنىڭدا خاتىرىلەنگەن تارىخىي پاكىتلار ئىنتايىن تەپسىلىي ھەم ئىشەنچلىك، سۆزلىرىمۇ چىرايلىق. 2-قىسىم (ⅩⅣ ئەسىرگىچە) ۋە 3-قىسمىنىڭ يازغۇچىلىرى ئېنىق ئەمەس. تارىخىي ماتېرىيالنىڭ قىممىتى ۋە يېزىقچىلىق سەۋىيىسى 1-قىسىمنىڭكىدىن ناچار. 

كىچىك روسك ۋەقەسى

  • كىچىك روسك ۋەقەسى[يەشمىسى:]»ئامېرىكا ئاركانزاس شتاتىنىڭ مەركىزى كىچىك روسك شەھىرىدە يۈز بەرگەن نېگىرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋەقەسى.1857-يىلى 9- ئاينىڭ باشلىرىدا كىچىك روسك شەھىرىدىكى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق مەركىزىي ئوتتۇرا مەكتەپ 1954-يىلى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش نىزامىغا ئاساسەن توققۇز نەپەر نېگىر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلغان. 9-ئاينىڭ 4-كۈنى توققۇز نەپەر ئوقۇغۇچى مەكتەپكە كىرگەندە ئاركانزاس شتاتىنىڭ باشلىقى فوبۇس ئەۋەتكەن مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ توسۇشىغا ئۇچرىغان. 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىرقچىلار مەكتەپنى قورشىۋېلىپ، شۇ ئورۇندىكى تۆت نېگىر مۇخبىرنى ئۇرغان ھەمدە نېگىر ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن جەنۇبتىكى بىرنەچچە شتاتلاردا ئارقىمۇئارقا نېگىرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. كەڭ نېگىرلار ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كەسكىن كۈرەش ئېلىپ بارغان. بۇ ۋەقە بىرقانچە يىل داۋام قىلغان. قوشما شتاتلار ھۆكۈمىتى بىلەن قوشما شتات سوت مەھكىمىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئارىلىشىشقا مەجبۇر بولغان. ھۆكۈمەتكە قاراشلىق مەكتەپتە ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا قانۇن-نىزام پەيدىنپەي ئىزچىللاشتۇرۇلغان. 

كىچىك گېرمانپەرەسلەر

  • كىچىك گېرمانپەرەسلەر[يەشمىسى:]»ⅩⅨ ئەسىردە گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدىكى بۇرژۇئازىيە مەزھىپى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى — پرۇسسىيىدىكى بۇرژۇئازىيە ۋە گېرمانىيىنىڭ غەربى، شىمالى ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھەرقايسى شتاتلاردىكى ئەركىن بۇرژۇئازىيىدىن ئىبارەت. ئاتاقلىق ۋەكىللىرىدىن ۋىرخوۋ (Rudolf Virchow، 1821 — 1902)، شۇلزې-دېلىچ (Franz Hermann Schulize Delitzsch، 1808 — 1883) مۇسن قاتارلىقلار بار. 1859-يىلى 9-ئايدا «گېرمانىيە مىللىي ئىتتىپاقى» تەشكىل قىلىنغان، ئاۋسترىيىنى چەتكە قېقىپ، پروسىيە گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشىغا رەھبەرلىك قىلىش، بىرلىككە كەلگەن، ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى ئاساسىدىكى پادىشاھلىق دۆلەت قۇرۇش تەشەببۇس قىلىنغان. بۇ مەزھەپ گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدىكى كۆپ سانلىقلار ئىدى. 

كىچىك ئۆيلۈك دېھقان

  • كىچىك ئۆيلۈك دېھقان[يەشمىسى:]» يەنى «كەپىلىك دېھقان».

كىچېنېر

  • كىچېنېر[يەشمىسى:]»(Horatio Herbert Kitchener، 1850 — 1916) ئەنگلىيىلىك مۇستەملىكىچى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى. ئىرلاندىيىدە تۇغۇلغان. 1871-يىلى خانلىق قۇرۇلۇش قىسىملىرىغا كىرىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پەلەستىن ۋە سىپرۇسلاردا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1882-يىلى ئەنگلىيە مىسىرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، 1883-يىلى مىسىردىكى قوشۇنغا يۆتكەلگەن. 1885 — 1886-يىلى قىسقا ۋاقىت زانزىبار چېگرىسىنى ھەل قىلىش خەلقئارا ھەيئىتىنىڭ ئەنگلىيە تەرەپ ۋەكىلى بولغان. 1886-يىلى شەرقىي سۇدان باش ۋالىيسى بولغان. 1892-يىلى مىسىر ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1896 — 1898-يىللىرى ئەنگلىيە-مىسىر قوشۇنىنى باشلاپ مەھدى قوزغىلىڭىنى باستۇرغان ھەمدە فاشوداغا يۈرۈش قىلىپ، فرانسىيە قوشۇنى بىلەن تۇتۇشۇپ، فاشودا ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان.1899-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئەنگلىيە قوشۇنىنىڭ شتاب باشلىقلىقىغا يۆتكىلىپ، ئەنگلىيە-بۇر ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1900-يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. كېيىن يەنە ئەنگلىيە-ھىندىستان قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى، مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ۋالىي ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1916-يىلى روسىيىگە سۆھبەتكە قاتنىشىشقا كېتىۋېتىپ، ئوركنېي (Orkney) ئارىلى ئەتراپىدا ئوكيان چارلاش پاراخوتى چۆكۈپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتكەن. 

كىدو تاكايوشى

  • كىدو تاكايوشى[يەشمىسى:]»(1833 — 1877) ياپونىيە مىيجى رېفورمىسى دەۋرىدىكى مۇھىم دۆلەت ئەربابى. ناگاسۇ ۋاسساللىقىدا ئوتتۇرا تەبىقىدىن كېلىپ چىققان. ئەسلى ئىسمى ۋادا، كېيىن كاتسۇرا ئائىلىسىگە بالا قىلىپ بېرىلگەنلىكتىن كاتسۇراكوگورۇ دەپ ئاتالغان. 1865-يىلى فامىلىسىنى كىدوغا ئۆزگەرتكەن. يوشىدا شوئىننىڭ ئوقۇغۇچىسى. پېررى پاراخوت باشلاپ ياپونىيىگە كەلگەندىن كېيىن ئائىكاۋانى قوغداشقا قاتناشقان. بۇنكيۇ يىللىرىدا ۋاسسال ھۆكۈمەتتە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ پادىشاھلىقنى قەدىرلەپ چەت ئەللىكلەرنى يەكلەش ۋە شوگناتنى ئاغدۇرۇشتىن ئىبارەت رېفورما ھەرىكەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن. توكۇگاۋا شوگناتىنى ئاغدۇرۇپ، رېفورمىچى ھاكىمىيەت قۇرۇشتا غايەت زور رول ئويناپ سائىگوتاكا مورى، ئوكۇبو توشمىچى بىلەن بىللە مىيجى رېفورمىسىدىكى «ئۈچ ئەزىمەت» دەپ نام ئالغان. مىيجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا كېڭەشچى، مەسلىھەتچى، پارلامېنت ئەزاسى بولغان. «بەش ماددىلىق ئەھدىنامە» نى تۈزۈشكە قاتنىشىپ، ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش ۋە ۋاسساللىقنى بىكار قىلىپ، ناھىيە تەسىس قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1871-يىلى ئىۋاكۇرا تومومى قاتارلىقلار بىلەن بىللە ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغان. 1873-يىلى دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، ئىچكى جەھەتتىكى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، قوشۇن ئەۋەتىپ چاۋشيەننى ئىستېلا قىلىشقا قارشى تۇرغان. 1874-يىلى سىياسىي كۆز قاراشتا چىقىشالمىغانلىقتىن، پارلامېنت ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. كېيىنكى يىلى ئۇساكا يىغىنىدىن كېيىن ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە بىرىنچى نۆۋەتلىك يەرلىك پارلامېنتنىڭ باشلىقى بولغان. غەربىي-جەنۇب ئۇرۇشىدا كېسەل بولۇپ ئۆلگەن. كېيىن سەككىز توملۇق «كىدوتاكا يوشى مەكتۇپلىرى»، ئۈچ توملۇق «كىدو تاكايوشى خاتىرىلىرى» نەشىر قىلىنغان. 

كىدو كوئىچى

  • كىدو كوئىچى[يەشمىسى:]»(1889 — 1977) ياپونىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى. ئۇرۇش جىنايەتچىسى. كىدوتاكا يوشىنىڭ نەۋرىسى. 1915-يىلى كىيوتو ئىمپېرىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. يېزا ئىگىلىك سودا ئىشلىرى ۋازارىتى ۋە سودا-سانائەت ۋازارىتىدە ئۇزۇن مۇددەت ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1917-يىلى ماركىز نامى بېرىلگەن ھەمدە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1930-يىلى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرىنىڭ باش كاتىپى بولغان. 1936-يىلى پاترىئارخاللىق تەرتىپ زوراغاسىنىڭ لىدىرى بولغان، «7-ئىيۇل» ۋەقەسىدىن كېيىن، 1937-يىلى ئۆكتەبردىن 1939-يىل ئاۋغۇستقىچە، كونوئې، ھىدانۇما قاتارلىق ئىككى نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېتتا مەدەنىيەت، قۇتقۇزۇش، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1940 — 1945-يىللىرى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ، پادىشاھنىڭ يېنىدىكى يېقىن كىشىلەردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن بەلگىلىك سىياسىي تەسىرگە ئىگە بولغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنىپ، 1948-يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1955-يىلى كېپىلگە قويۇپ بېرىلگەن. 1958-يىلى كەچۈرۈم قىلىنغان. كېيىن داجىدا خىلۋەت-تىنچلىقتا ياشىغان. «كىدو كوئىچى خاتىرىلىرى» ناملىق ئەسىرى بار. 

كىدېرلېن-ۋېچتېر

  • كىدېرلېن-ۋېچتېر[يەشمىسى:]»(Alfred Von Kiderlen-Wachter، 1852 — 1912) گېرمانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى(1910 — 1912). بانكىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1879-يىلىدىن تارتىپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1895-يىلى دانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1899 — 1910-يىللىرى رومىنىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. بۇ جەرياندا 1908-يىلى 11-ئايدا بېرلىنغا چاقىرتىلىپ، ۋاقىتلىق مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى قىلىنىپ، گېرمانىيە-فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ماراكەش مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتكە ۋە بوسىنىيە كرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشتۇرۇلغان. تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان مەزگىلىدە، ئەنگلىيە، روسىيىنى ھەدەپ ئۆزىگە تارتىپ فرانسىيىنى يېتىم قالدۇرۇپ، ئانتانتا دۆلەتلەرنى پارچىلىماقچى بولغان. 1911-يىلى ئىككىنچى قېتىملىق ماراكەش كرىزىسىنى پەيدا قىلىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئالدىدىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن. 

كىرچېئو تېغى خارابىسى

  • كىرچېئو تېغى خارابىسى[يەشمىسى:]» ئىتالىيە ئۆڭكۈر خارابىسى توپى. رىمنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 100 كىلومېتر يىراقلىقتىكى ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى كېرچېئو (Circeo) تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە بولۇپ، جەمئىي 32 ئۆڭكۈر بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا دېڭىزغا قاراپ تۇرىدۇ. 1936 — 1953-يىللىرى تەكشۈرۈلگەن. گوئاتتارى، بىرىئىل، فوسسېللونې، ئېلېنا، كاپۇل قاتارلىق يەتتە ئۆڭكۈردە كونا تاش قوراللىرى دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىگىچە بولغان مەدەنىيەت قاتلىمى ساقلانغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى فوسسېللونې (Fossellone) خارابىسىدە تۆت مەدەنىيەت قاتلىمى بولۇپ، ئىتالىيىدە تەكشۈرۈلۈشى ئەڭ ئېنىق بولغان خارابە ھېسابلىنىدۇ. گۇئاتتارى (Guattari) ئۆڭكۈرىدىن نېئاندېرىتال ئادىمىنىڭ باش سۆڭىكى تېپىلغان.

كىردژالىي

  • كىردژالىي[يەشمىسى:]»(Кърджалий) ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى بۇلغارىيىدە ھەر خىل يەرلىك باندىت قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇ، كىچىك فېئوداللار، گۋاردىيە ۋە باشقا ئۇنسۇرلاردىن تەشكىل تاپقان. ئۇلار شەھەر-يېزىلارغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، ئاھالىلەرنى قىرغىن قىلغان، كوپرىۋىشتىسا (Копривщтица)، تېتېۋېن (Тетевен)، كالوفور (Калофор) قاتارلىق شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىۋەتكەن.

كىركوۋ

  • كىركوۋ[يەشمىسى:]»(Георги Иорданов Кирков، 1867 — 1919) بۇلغارىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، زىچ تەرەپدارلىرىنىڭ يولباشچىسى، يازغۇچى. 1879 — 1886-يىللىرى روسىيىدە ئوقۇغان، روسىيە ئىنقىلابىي دېموكراتىزم ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1886-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. 1892 — 1895-يىللىرى ۋېنادا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان، ئاۋسترىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1895-يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن بۇلغارىيە ئىشچى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە كىرگەن، مەركىزىي كومىتېت ئورگان گېزىتى «ئىشچىلار گېزىتى» نىڭ تەھرىرى، مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، كېيىن شۇجىسى بولغان. 1903-يىلى بۇلغارىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى (زىچ تەرەپدارلىرى) نى قۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان، مەركىزىي كومىتېتنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1915-يىلى 9-ئايدا ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ سېممېرۋالد يىغىنىدا زىچ تەرەپدارلىرىغا ۋەكالىتەن خىتابنامىگە ئىمزا قويۇپ، سوتسىيال شوۋېنىزمنى سۆككەن.1917-يىلدىكى ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، بۇلغارىيە خەلقىنى روسىيە پرولېتارىياتىنى ئۈلگە قىلىشقا چاقىرغان. ئۇنىڭ «دوستلۇق ناخشىسى» ۋە «ئىشچىلار مارشى» دېگەن شېئىرلىرى، «سىياسىي زوئولوگىيە» دېگەنگە ئوخشاش ھەجۋىي ئەسەرلىرى بار.

كىروۋ

  • كىروۋ[يەشمىسى:]»(Сергей Миронович Киров، 1886 — 1934) سابىق سوۋېت كومپارتىيىسى ۋە دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ۋياتكا ئۆلكىسى (ھازىرقى كىروۋ ئوبلاستى) دىكى ئۇرژوم شەھىرىدىكى نامرات ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1904-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1905-يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە تومسك (Томск) پارت-كومىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1905 — 1906-يىللىرى بىرنەچچە قېتىم قولغا ئېلىنغان. 1908-يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئىركۇتىسكى ۋە ۋلادىكاۋكاز (ھازىرقى ئوردژونىكىدزې) دا پارتىيىنىڭ يەر ئاستى خىزمىتىنى ئىشلىگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابى مەزگىلىدە، پېتروگرادتىكى قوراللىق قوزغىلاڭغا قاتناشقان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئاستراخان چېگرا رايونى ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، قىزىل ئارمىيىنىڭ ئاق گۋاردىيىچىلەر توپىلىڭىنى تارمار قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن، ئەزەربەيجان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى (1921 — 1925) بولۇپ، نېفىت سانائىتىنى پائال ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە راۋاجلاندۇرغان. 1923-يىلى پارتىيىە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1926-يىلى س ك پ (ب) لېنىنگراد ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ سېكرىتارلىقى، س ك پ (ب) مەركىزىي كومىتېت غەربىي شىمال بيۇروسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. 1930-يىلدىن تارتىپ س ك پ (ب) مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1934-يىلى س ك پ (ب) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى، سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى لېنىنگرادتىكى سىمولنى سارىيىدا ئەكسىلئىنقىلابچىلار تەرىپىدىن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن.

كرېست پارتىيىسى

  • كرېست پارتىيىسى[يەشمىسى:]»ۋېنگرىيىدە 1936-يىلى قۇرۇلغان فاشىستىك پارتىيە. پارتىيىنىڭ كاتتىبېشى سالاسى فېرېنس (Szálasi Ferenc، 1897 — 1946) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. گېرمانىيىنىڭ فاشىستىك تۈزۈمىگە تەقلىد قىلىپ، ۋېنگرىيە مىللىتى ئەۋزەللىك نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلىپ، ئىرقىي كەمسىتىش ۋە يەھۇدىيلارنى چەتكە قېقىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، مەملىكەت ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك فاشىستىك دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈشكە ئۇرۇنغان. 1944-يىل 10-ئاينىڭ 15-كۈنى گېرمانىيىنىڭ قوللىشى بىلەن، ۋېنگرىيە ھاكىمىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، فاشىستىك تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. فاشىست گېرمانىيىسى گۇمران بولاي دەپ قالغاندا مەزكۇر پارتىيە ۋېنگرىيە خەلقىنى ئۇرۇشقا ئاتلىنىشقا مەجبۇرلاپ، ۋېنگرىيە خەلقىنىڭ قوراللىق قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1945-يىلى 4-ئايدا ۋېنگرىيە ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن تارقىتىۋېتىلگەن.

كىسپادانا جۇمھۇرىيىتى

  • كىسپادانا جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:]» ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى فرانسىيە ئارمىيىسى ئىتالىيىدە قۇرغان جۇمھۇرىيەت. لاتىن تىلىدا كىسپادانوس (Cispadanus، پو دەرياسىنىڭ جەنۇبى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) دەپ ئاتالغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1796-يىلى ناپولېئون ئىتالىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، سادىن بىلەن ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى تارمار قىلغان. شۇ يىلى 12-ئايدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇپ، لېزو، پولۇنىيە ۋىنرارا ۋە مانتويا قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. فېئوداللىق ھوقۇقىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە پۇقرالارنىڭ تەڭ-باراۋەر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قانۇن-پەرمانلارنى ئېلان قىلغان. 1797-يىلى 7-ئايدا ترانسىپادانا جۇمھۇرىيىتى بىلەن قوشۇلۇپ ئالپ تاغلىرى جۇمھۇرىيىتى بولغان.

كىسېنوپول

  • كىسېنوپول[يەشمىسى:]» (Alexandru D Xenopol، 1847—1920) رومىنىيىلىك تارىخشۇناس. پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى. ياسىيدىكى بىر بيۇروكرات بۇرژۇئا ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بېرلىن ۋە گېسېندا قانۇن، پەلسەپە ۋە تارىخ ئوقۇغان. دەسلەپ تەپتىش بولغان، كېيىن ئادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1883-يىلى ياسىي ئۇنىۋېرسىتېتى رۇمىنىيە تارىخ پروفېسسورى بولغان. سىياسىي جەھەتتە بۇرژۇئا لىبېرالىزمغا يېقىن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسىرى «تۇرا ئودا-سىيىدىكى رومىنىيىلىكلەر تارىخى» ناملىق ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا رۇمىنىيە تارىخى بىلەن دۇنيا تارىخىنىڭ مۇناسىۋىتى بايان قىلىنغان.

كىش

  • كىش[يەشمىسى:]»(Kish) مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى سۇمېرلار قەدىمىي شەھىرى. ھازىرقى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھىللا (Hillah-al) نىڭ شەرقىگە تەخمىنەن 20 كىلومېتر كېلىدىغان جايدا. ھازىرقى خارابىلەر ئۇھائىمېر (Uhaimer-al) يەنى ھىللانى مەركەز قىلىپ، باندار، ستېلا قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. 1816-يىلى تېپىلغان، 1852-يىلىدىن باشلاپ قېزىلغان. خارابىنىڭ دائىرىسى تولىمۇ كەڭ، چىققان نەرسىلەر ئىنتايىن كۆپ. قېزىش ئارقىسىدا، ناھايىتى زور نەتىجە ھاسىل قىلىنغان. (1) ئۇر خارابىسىغا ئوخشاش ئۈچ قەۋەت كەلكۈن ئىزى مەلۇم بولغان؛ (2) نۇرغۇنلىغان سېغىز لاي مەتبەلىك يېزىلمىلار تېپىلىپ، تەتقىقات خىزمىتى ئۈچۈن يازما ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بېرىلگەن؛ (3) «A» جامائەت قەبرىستانلىقى ۋە بىرمۇنچە قەبرىلەر ئېچىلىپ، شۇ زاماندىكى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ماددىي ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بېرىلگەن؛ (4) ئۆي-جايلار ئىزلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىناكارلىقنىڭ تەرەققىياتى ۋە كېسەكلەرنىڭ شەكلى، ئىشلىتىلگەن دەۋرى توغرىسىدا ئىشەنچلىك ئاساس يەتكۈزۈپ بېرىلگەن.

كىشاترىيە

  • كىشاترىيە[يەشمىسى:]»(Kshatriya) قەدىمكى ھىندىستاندىكى ياساۋۇللار تەبىقىسى. ۋارنا تۈزۈمى قاتارىدا براخمانلاردىن تۆۋەن بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلارھەربىي، مەمۇرىي چوڭ ھوقۇقلارنى ئىگىلىگەن بولۇپ، پادىشاھ بۇ تەبىقىنىڭ باشلىقى ھېسابلىنىدۇ. «مانۇ قانۇنى» دا: «خەلقنى قوغداش، خەير-سەدىقە قىلىش، نەزىر-چىراغ قىلىش، ۋېدا ئۆگىنىش ھەم راھەت-پاراغەتلەردىن ئۆزىنى تارتىش» دەپ بەلگىلىگەن (1، 89). كىشاتىرىيىلەر ئەمەلىيەتتە قەدىمكى ھىندىستان دۆلىتىدىكى دەھرىي ھۆكۈمرانلار سىنىپىدىن ئىبارەت. كىشاترىيە ۋارناسىدا، بەزىلەر تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنىڭ كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ تىرىكچىلىك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەسلى سالاھىيىتى ئۆزگەرمىگەن.

كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى

  • كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى[يەشمىسى:]» تولۇق نامى «كىشىلىك ھوقۇقى ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى خىتابنامىسى». فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ پروگرامما خاراكتېرلىك ھۈججىتى. 1789-يىل 7-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى مۇنئېنىڭ (Mounier) تەكلىپىگە ئاساسەن كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسىنى تەييارلاش ۋە مۇزاكىرە قىلىشقا كىرىشىپ، 8-ئاينىڭ 26-كۈنى ماقۇللىغان، كېيىن ئۇنى «1791-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن» نىڭ كىرىش سۆزى قىلغان. خىتابنامىدە ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىك خىتابنامىسى ئۈلگە قىلىنغان، ⅩⅧ ئەسىردىكى مەرىپەتچىلىك ئىلمى ۋە تەبىئىي ھوقۇق نەزەرىيىسى چىقىش قىلىنىپ، ئەركىنلىك، مال-مۈلۈك، بىخەتەرلىك ۋە زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسىتىش — تەڭرى ئاتا قىلغان تارتىۋېلىشقا بولمايدىغان كىشىلىك ھوقۇقى ئىكەنلىكى، سۆزلەش، ئېتىقاد، ئەسەر يېزىش، نەشىر قىلىش ئەركىنلىكى؛ خەلقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، پارلامېنت تۈزۈمى ۋە ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىۋېتىش؛ قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشى باپباراۋەر بولۇش، جىنايەتنى قانۇن بويىچە كېسىش ۋە گۇناھسىز دەپ قاراش؛ خۇسۇسىي مۈلۈكنىڭ دەخلى-تەرۇزسىزلىكى جاكارلانغان. بۇ خىتابنامە فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمگە قارشى تۇرۇشنىڭ تۇغى بولۇپ، كونا تۈزۈمنىڭ ھالاك بولغانلىقى ۋە يېڭى تۈزۈمنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان.

كىشىلىك ھوقۇقى قانۇنى لايىھىسى

  • كىشىلىك ھوقۇقى قانۇنى لايىھىسى[يەشمىسى:]» ئامېرىكا ئاساسىي قانۇننىڭ ئالدىنقى 10 ماددىسىنى تولۇقلاش يۈزىسىدىن چىقىرىلغان تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى. 1787-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن لايىھىسىدە خەلقنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقى تارايتىلغان، ئاساسىي قانۇن لايىھىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەلق قوزغىلىپ ئېتىراز بىلدۈرگەن. جىففېرسون (Jefferson) قاتارلىق دېموكراتلار ئاساسىي قانۇندا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەزمۇنىنىڭ بولۇشىنى كۈچىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلغان. 1789-يىلدىكى دۆلەت مەجلىسىدە كىشىلىك ھوقۇقى قانۇن لايىھىسى ماقۇللانغان. بىرىنچى ماددىسىدا ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىش كېرەك، خەلق ئېتىقاد، سۆز-پىكىر قىلىش، نەشىر قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە دەپ ئېلان قىلىنغان. ئىككىنچى ماددىسىدا ھەرقايسى شتاتلار خەلق ئەسكەرلىرىنى ساقلاپ قالسا بولىدۇ، خەلق قورال ئېلىپ يۈرۈشكە ھوقۇقلۇق دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. ئۈچىنچى ماددىسىدا تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ ھەممىسى تولۇق رەسمىيەت ئۆتىشى شەرت دەپ بەلگىلەنگەن. باشقا ماددىلاردا جىسمانىي جەھەتتىن ۋە مال-مۈلۈككە چېقىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش؛ قانۇننى خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىك؛ ھەرقايسى شتاتلار ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. قانۇن لايىھىسى خەلقنى مەلۇم دەرىجىدە دېموكراتىيە ھوقۇقىغا ئىگە قىلغان، بىراق نېگىرلار ۋە ئىندىئانلارنى بۇنىڭ سىرتىدا قالدۇرغان.

كىشىلىك ھوقۇقى ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى جەمئىيىتى

  • كىشىلىك ھوقۇقى ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى جەمئىيىتى[يەشمىسى:]»فرانسىيە ئىيۇل سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە تەشكىلاتى. 1832-يىلى 6-ئايدا «خەلق دوستلىرى جەمئىيىتى» ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلات 1793-يىلىدىكى «كىشىلىك ھوقۇقى ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى خىتابنامىسى» نى پروگرامما قىلىپ، چوڭ ئىنقىلاب ۋاقتىدىكى نۇرغۇنلىغان ياكوبىنچىلارنى ۋە گروندېچىلارنى قوبۇل قىلىپ، بىرقەدەر پۇختا تەشكىلىي سىستېمىنى بەرپا قىلغان ھەمدە باشقا ئۆلكىلەردە شۆبە تەسىس قىلغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى 1834-يىلى 4-ئايدىكى لېئان ئىشچىلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. باستۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ جەمئىيەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى قولغا ئېلىنغان.

كىڭ

  • كىڭ[يەشمىسى:]» (1) ۋىليام لىئون ماكېنزې ك-ىڭ(William LyonMackenzie King، 1874— 1948) كانادا زۇڭلىسى (1921 — 1930 ۋە 1935 — 1948)، لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تورۇنتۇ، چېكاگو ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان. ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان، ئەمگەك مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. زۇڭلى بولۇپ تۇرغاندا، كانادانى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كانادادا تولۇق ئاپتونومىيىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە تىرىشقان. «سانائەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك»، «ئامېرىكا تەرەپتە تۇرغان كانادا»، «كانادا ۋە ئەركىنلىك ئۇرۇشى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) ئېرنېست يوسېف كىڭ (Ernest Joseph King، 1878 — 1956) ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى ۋە باش قوماندانى(1941—1945). 1901-يىلى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاتلانتىك ئوكيان فلوتى قوماندانىنىڭ ياردەمچى شتاب باشلىقى بولغان. 1941-يىلى ئاتلانتىك ئوكيان فلوتىنىڭ قوماندانى بولغان؛ كېيىن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1942-يىلى 3-ئايدا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش مىنىستىرى بولۇپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ستراتېگىيىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. 1944-يىلى ئادمىراللىققا ئۆستۈرۈلگەن، 1945-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان. ئۆزى توغرىسىدا تەرجىمىھال يازغان.

كلاسسىك تارىخشۇناسلىق

  • كلاسسىك تارىخشۇناسلىق[يەشمىسى:]» قەدىمكى گرېتسىيە ۋە رىم تارىخشۇناسلىقىنىڭ ئومۇمىي ئاتالغۇسى. غەرب تارىخشۇناسلىقى مۇشۇنىڭدىن كەلگەن. قەدىمكى گرېتسىيە تارىخشۇناسلىقى مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىردە ئىئونىيە رايونىدىكى «تارىخنامىچىلار» (ياكى «تارىخ خاتىرىلىگۈچىلەر») ئارىسىدا بىخلىنىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرلەردە ھېرودوت تەرىپىدىن ئاساس سېلىنغان، كېيىنكىلەر ئۇنى «تارىخچىلار پېشۋاسى» دەپ ئاتاشقان. توسىديدېس يازغان «پېلوپوننېسوس ئۇرۇشى تارىخى» يېزىلغان ۋاقىتلاردا ئاساسلىق تەرەققىياتقا ئېرىشكەن ھەمدە كېيىنكى دەۋرلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن تارىخ ئىلمى ئەنئەنىسى بولۇپ شەكىللەنگەن؛ سىياسىي، ھەربىي ئىشلار تارىخى تارىخ ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قىلىنغان؛ تارىخنى بايان شەكلى بىلەن يېزىش ئەسەر تۈزۈشتىكى ئاساسىي ژانىر قىلىنغان ھەمدە تارىخ ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىش، ئۇلارنىڭ چىن ياكى ساختىلىقىنى پەرق ئېتىشتەك تارىخىي تەنقىد ئۇسۇلىنى ياراتقان. بۇ ساھەدە بىرقەدەر مەشھۇر بولغان تارىخشۇناس شې نوفون ھېسابلىنىدۇ. گرېكلەشتۈرۈش دەۋرى ۋە رىم ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە، قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ تارىخشۇناسلىقى يەنىلا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان، بۇ دەۋرنىڭ ۋەكىللىرى پولىبىئۇس، پلۇتاركوس، ئاررىئانوس ۋە ئاپپىئانوس قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. قەدىمكى رىم تارىخشۇناسلىقى تارىخ ئىلمى ئىدىيىسى، ئەسەر مەزمۇنى، تۈزۈلمىسى، شۇنىڭدەك يېزىلىش ئۇسلۇبى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە ئومۇمەن قەدىمكى گرېتسىيە تارىخشۇناسلىق ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە چوڭ كاتۇ لاتىن يېزىقى بىلەن تارىخ يازغان، شۇنىڭدىن باشلاپ رىمدا ھەقىقىي تارىخ ئەسىرى بارلىققا كەلگەن. ساللۇس تىئوستا كۆرۈنەرلىك ھالدا تەرەققىي قىلغان. كائىسارنىڭ ئۆزى ناھايىتى ياخشى تارىخ يېزىش تالانتىغا ئىگە بولۇپ، جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى مەشھۇر تارىخچى ھېسابلىنىدۇ. ئىمپېرىيە دەۋرىدە لىۋىئۇس، تاستۇسلار كلاسسىك تارىخشۇناسلىق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلغان. خرىستىئان دىنىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشى ۋە خرىستىئان دىنى تارىخشۇناسلىقىنىڭ گۈللىنىشى ئارقىسىدا كلاسسىك تارىخشۇناسلىق Ⅲ ئەسىرلەردىن كېيىن كۈنسېرى ئاجىزلىشىپ بارغان، لېكىن ئەنئەنىۋى تەسىرچانلىق يەنىلا ئاز-تولا ساقلاپ قېلىنىپ، تاكى Ⅴ ئەسىردە كلاسسىك دۇنيا ئاياغلاشقانغا قەدەر داۋاملاشقان. كلاسسىك تارىخشۇناسلىق كېيىنكى دەۋر (بولۇپمۇ غەربتىكى) تارىخشۇناسلىقنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.

كلاسسىك قۇللۇق تۈزۈمى

  • كلاسسىك قۇللۇق تۈزۈمى[يەشمىسى:]» قەدىمكى گرېتسىيە، رىمدا تەرەققىي قىلغان قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. كلاسسىك دېگەن سۆز لاتىنچىدىكى Classicus تىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى «تىپىك» دېمەكتۇر. ئادەتتە، مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅥ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅣ ئەسىرلەرگىچە بولغان. گرېتسىيە ۋە مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىن مىلادى Ⅰ ئەسىرگىچە بولغان رىمدا، بەزى رايونلاردىكى قۇللۇق تۈزۈم تولۇق تەرەققىي قىلغان، دەپ قارىلىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىلىرى: قۇللارنىڭ سانى كۆپ، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ (ھەم ماددىي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ھەم مەنىۋى ئەمگەككىمۇ قاتنىشىدۇ) قۇللار جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرىغا ئايلانغان؛ تاۋار خاراكتېرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئائىلە باشلىقلىق قۇللۇق تۈزۈمى مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان. قۇللۇق تۈزۈمنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قۇللار بىلەن قۇلدارلار ئوتتۇرىسىدىكى سىنىپىي كۈرەش پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈرلەشكەن (بولۇپمۇ رىمدا). كلاسسىك قۇللۇق تۈزۈم ئاساسىدا مول رەڭگارەڭ كلاسسىك مەدەنىيەت بارلىققا كەلگەن، ئافىنا شەھىرىنى ئۇنىڭ ۋەكىلى قىلىشقا بولىدۇ.

كىلافا ھەرىكىتى

  • كىلافا ھەرىكىتى[يەشمىسى:]» يەنى خەلىپە ھەرىكىتى. «كىلافا»(Kilafat) خەلىپە دېگەن سۆزنىڭ بۇزۇپ ئوقۇلۇشى، لېكىن ھىندى مۇسۇلمانلىرى ئۇنى ئوردو تىلىدىكى «خىلاف» (قارشى تۇرۇش) دېگەن سۆزدىن كەلگەن دەپ ھېسابلايدۇ. شۇڭا ئۇلار خەلىپە ھەرىكىتىنى ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش دەپ چۈشىنىدۇ.

كىلپاترىك

  • كىلپاترىك[يەشمىسى:]»(William Heart Kilpatrick، 1871 — 1965) ئامېرىكىلىق پېداگوگ، پەيلاسوپ. گېئورگىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. موسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خوپكېنىس ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 1903 — 1905-يىللىرى موسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى بولغان. 1909-يىلدىن تارتىپ كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1912-يىلى شۇ مەكتەپتە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1918 — 1938-يىللىرى پروفېسسور بولغان. دېيۇۋىنىڭ پراگماتىزملىق مائارىپ ئىدىيىسىگە چوقۇنۇپ، ئوقۇغۇچىنى مەركەز قىلغان پىلانلىق ئوقۇتۇش مېتودىكىسىغا ئاساس سالغان. 1917-يىلى جۇڭگوغا كېلىپ دەرس ئۆتكەندە، ئۆزىنىڭ نەزەرىيىسىنى پائال تەشۋىق قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «پىلانلىق ئوقۇتۇش مىتودىكىسى ئاساسلىرى»، «مائارىپ پەلسەپىسى»، «مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي كرىزىس» قاتارلىقلار بار.

كىلدىكى ماتروسلار قوزغىلىڭى

  • كىلدىكى ماتروسلار قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]» بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە گېرمانىيىدىكى كىل پورتىدا پارتلىغان ماتروسلار قوزغىلىڭى. 1918-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، گېرمانىيە مەغلۇپ بولۇشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىق شتابى يەنىلا مۇشۇ پورتتىكى فلوتنى يىغىپ دېڭىزغا چىقىپ ئەنگلىيە بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. ماتروسلار ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلىقتىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، ماتروسلار كىل ئىشچىلىرى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، نامايىش قىلغان ۋە بۇ تەرەققىي قىلىپ قوراللىق قوزغىلاڭغا ئايلانغان. 4-كۈنى قوزغىلاڭچىلار 20 مىڭ كىشىدىن ئاشقان، شۇنداقلا ئەسكەرلەر ۋە ئىشچىلار سوۋېتى قۇرۇلغان، 5-كۈنى كىل بويىچە پۈتۈن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. بۇ قوزغىلاڭ جايلارنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن، گېرمانىيە نويابر ئىنقىلابىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ قالغان.

كلون

  • كلون[يەشمىسى:]»(Cylon ياكى Kylon، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرى) ئافىنالىق. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن چىققان. مېگارا ھۆكۈمرانى تېئاگېنېس (Theagenes) نىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن 640 يىل ئىلگىرى ئولىمپىيە مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلىپ، شۆھرەت قازانغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 632 يىل ئىلگىرى ئاددىي خەلقنىڭ ئاقسۆڭەكلەرگە بولغان نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ، تېئاگېنېسنىڭ قوللىشى بىلەن شېرىكلىرىنى باشلاپ ئافىنا شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ ھەربىي ھۆكۈمرانلىق سىياسىتىنى بەرپا قىلماقچى بولغان، لېكى-ن ئارخون مېگاكلېس (Megacles)تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن. ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ تولىسى ئافىنا ئىبادەتخانىسىنىڭ نەزىر-چىراغ سۇپىسىدا پاناھلىنىپ (مۇقەددەس جايدا قاچقۇچىلارنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ)، ئاچارچىلىقتا قالغان؛ ئافىنا دائىرىلىرى ئۇلار تەسلىم بولسا ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلماسلىققا ماقۇل بولغان، لېكىن ئۇلار نەزىر-چىراغ سۇپىسىدىن چىققاندىن كېيىن ئوخشاشلا ئۆلتۈرۈلگەن.

كىلۋا سۇلالىسى

  • كىلۋا سۇلالىسى[يەشمىسى:]»قەدىمكى شەرقىي ئافرىقىنىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھەر بەگلىكى دۆلىتى. Ⅶ ئەسىردىن تارتىپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئەرەبلەر ۋە پارىسلار كەينى-كەينىدىن شەرقىي ئافرىقىنىڭ دېڭىز بويىغا جايلىشىپ، سودا شەھەر بازىرى قۇرغان. مىلادى 975-يىلى ئەلى بىن ھاسان (Hassan-Ali bin al) كىلۋا (Kilwa) نى پايتەخت قىلىپ سۇلالە قۇرۇپ، مومباسا، پېمبا قاتارلىق جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى دۆلەتلەر، ئەرەب يېرىم ئارىلى، پېرسىيە، ھىندىستان ۋە جۇڭگو بىلەن بولغان سودىنى ئەۋج ئالدۇرغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شانگالارنى يېڭىپ، سۇفالا ۋە ئالتۇن، پىل چىشى سودىسىنى كونترول قىلغان. ⅩⅤ ئەسىردە خارابلاشقان. 1502-يىلى پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى بېسىپ كىرىپ ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. «زېنج شەھەر بەگلىكى» گە قاراڭ.

كلېئون

  • كلېئون[يەشمىسى:]» (Kleon ياكى Cleon، مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 422) قەدىمكى ئافىنا باش قوماندانى. دۆلەتمەن ۋاپۇرۇش ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پېرىكىل ئۆلگەندىن (مىلادىدىن 429 يىل ئىلگىرى) كېيىن، ئافىنا دېموكراتلىرىنىڭ يولباشچىسى بولغان. مىلادىدىن 427 يىل ئىلگىرى، ئافىنانىڭ ئىتتىپاقچىسى مىتالېنا شەھىرى (لېسبوس ئارىلىدىكى) نىڭ قارشىلىقىنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرغان. پېلوپوننېس ئۇرۇشى داۋامىدا، ھەدەپ ئۇرۇش قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، سىپارتا بىلەن يارىشىشقا قارشى تۇرغان. مىلادىدىن 524 يىل ئىلگىرى دېموستېن بىلەن دېڭىز فىلوتىغا قوماندانلىق قىلىپ، سىپارتا قوشۇنىنى سىفاكتېرىيە ئارىلى (Sphacteria، جەنۇبىي گرېتسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدا) مەغلۇپ قىلغان. ئۇنىڭ ئىناۋىتى يەنىمۇ ئۆسكەن. مىلادىدىن 422 يىل ئىلگىرى سەردارلىققا تەيىنلەنگەن. ئېگېي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى مۇھىم جاي — ئامفىپولنى تالىشىپ، سىپارتا باش قوماندانى براسېد (Barasidas)بىلەن قاتتىق تۇتۇشقاندا، مەغلۇپ بولۇپ قازا تاپقان. ئارىستوفان ئۆزىنىڭ كومېدىيىسى «رىتسار» (مىلادىدىن 424 يىل ئىلگىرى سەھنىدە ئوينالغان) دا كلېئوننى قاتتىق مەسخىرە قىلغان ۋە ئۇنى ساۋىغان. ئۇنى ئادەتتە كىشىلەر چېكىدىن ئاشقان دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىنىڭ ۋەكىلى دەپ ھېسابلىغان. مۇتەئەسسىپلىككە مايىل بولغان يازغۇچىلار (مەسىلەن، ئارىستوتېل) كلېئونغا نىسبەتەن كۆپرەك تەنقىد قىلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان.

كىليشول ئاساسىي قانۇنى

  • كىليشول ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:]» 1848-يىلى ئاۋسترىيە دېموكراتلىرى بىلەن چېخ لىبېرال بۇرژۇئازىيىسى تۈزۈپ چىققان مىللىي مەسىلە توغرىسىدىكى كېلىشىمى.1848-يىلى، ۋېنا ئۆكتەبر قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيە پارلامېنتى موراۋىيىنىڭ كىچىك شەھىرى — كىليشولغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە بۇ يەردە مىللىي مەسىلە توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. كېلىشىمدە: ئاۋسترىيىنى ھەرقايسى ئەركىن مىللەتلەر ئىتتىپاققا ئايلاندۇرۇش؛ مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، تىلى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى باراۋەرلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، سەككىز باراۋەر ئىتتىپاق رايونىنى يەنى گېرمانىيە-ئاۋسترىيە (سودېت رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) چېخ كىنەزلىكى، پولشا رايونى (بوكوۋىنانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، سلوۋېنىيە-ئىللىرىيە رايونى، ئىتالىيە رايونى (ترول، ۋېنتسىيە ۋە لومباردىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يۇگوسلاۋىيانلار رايونى، ۋېنگرىيە رايونى ۋە رومىنىيە رايونىنى قۇرۇشنى جاكارلىغان. بۇ كېلىشىم گەرچە مۇئەييەن ئىلغارلىققا ئىگە بولسىمۇ بىراق ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغاچقا، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتىنى يوقاتقان.

كىمباڭ رىتسارلار پولكى

  • كىمباڭ رىتسارلار پولكى[يەشمىسى:]» ئامېرىكىدىكى شىمال بىلەن جەنۇب ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىمال تەرەپتىكى كوپپېرخىئاد تەشكىللىگەن ئۇرۇشقا قارشى تەشكىلاتى. ئەسلى 1855-يىللىرى ئوھىئو شتاتىنىڭ سىنناتى دېگەن جايدىكى بىر دوختۇر تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان مەخپىي تەشكىلات بولۇپ، قۇللۇق تۈزۈمنى قوللاپ مېكسىكىنى ئىستېلا قىلىشنى تەرغىپ قىلغان. جەنۇب بىلەن شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە «كوپپېرىخىئاد» نىڭ بىر تەشكىلاتى سۈپىتىدە ئىندىئانا شتاتىغا كىرگەن. 1863-يىلى «ئامېرىكا رىتسارلار پولكى» قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1864-يىلى «ئەركىنلىك ئوغلانلىرى جەمئىيىتى» گە ئۆزگەرتىلگەن.

كىمبانگۇ

  • كىمبانگۇ[يەشمىسى:]»(Simon Kimbangu، 1881-ياكى 1889 — 1951) كونگو (ھازىرقى زايىر) رېسۇررىكتئون (ئەيسانىڭ تىرىلىشى) چېركاۋىنىڭ ئاساسچىسى. نىكامبا (Kamda-N) دا تۇغۇلغان. خىزمەتچى ۋە پروتېستانت پوپى بولغان. 1921-يىلى ئۆزىنى ئەۋلىيا دەپ، رېسۇررىكتئون چېركاۋىنى قۇرغان. نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى، تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلغان. 12 ئەلچى تەيىنلەپ، دىنىي ئەقىدىنى تەشۋىق قىلىپ، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ھەرىكەت قوزغىغان. 9-ئايدا بېلگىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، كېيىن ئۆمۈرۋايەتلىك قاماققا ئۆزگەرتىلگەن. 1951-يىلى تۈرمىدە ئۆلگەن.

كىمون

  • كىمون[يەشمىسى:]»(Kimon ياكى Cimon، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 512 — 499) قەدىمكى ئافىنا سىياسىئونى، قوماندانى، ئاقسۆڭەكلەر داھىيسى. مىلتىيادېس (مارافون ئۇرۇشىنىڭ قوماندانى) نىڭ ئوغلى. مىلادىدىن 478 يىل ئىلگىرى سەركەردە بولغان. دېلوس ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، ئافىنانىڭ دېڭىز ئارمىيىسى ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتكەن. مىلادىدىن 476 يىل ئىلگىرى سىراسې (Thrace) ئەتراپىغا لەشكەر تارتىپ كېلىپ، پېرسىيە لەشكەرلىرىگە زەربە بېرىپ، ئافىنانىڭ بۇ رايونغا بولغان تەسىرىنى كېڭەيتكەن. مىلادىدىن 470 يىل ئىلگىرى، دېموكراتلار داھىيسى تېمىستوكلنى چەت ئەلدە ئۆلۈۋېلىشقا مەجبۇر قىلغان. ھاكىمىيەت بېشىدىكى مەزگىلدە، ئاقسۆڭەكلەر يىغىنىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن. تەخمىنەن مىلادىدىن 468 يىل ئىلگىرى، ئېئورىمېدون (Eurymedon، كىچىك ئاسىيادا) دەرياسى ئۇرۇشىدا پېرسىيە لەشكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، دېلوس ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ناكسوس ئارىلى ۋە تارس (Tapc) ئارىلىنىڭ قارشىلىقىنى قوراللىق باستۇرغان. سىياسىي كۆز قارىشى كونسېرۋاتىپ بولۇپ، سپارتاغا مايىل بولغان. مىلادىدىن 462 يىل ئىلگىرى، لەشكەر باشلاپ چىقىپ، سپارتانىڭ ھېلوتلارنى باستۇرۇشىغا ياردەم بەرمەكچى بولغاندا، رەت قىلىنىپ، رەسۋا بولۇپ دۆلىتىگە قايتىپ كەتكەن. كېيىن دېموكراتلاردىن ئېفالت بىلەن پېرىكلېس كۈچىيىپ، ئاقسۆڭەكلەر يىغىنىنىڭ ئورنىنى ئاجىزلاتقان. مىلادىدىن 461 يىل ئىلگىرى چەت ئەلگە سۈرگۈن قىلىنغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 456 يىل ئىلگىرى دۆلىتىگە چاقىرىپ كېلىنىپ، پېرسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشتۇرۇلغان. مىلادىدىن 451 يىل ئىلگىرى ئافىنا بىلەن سپارتانىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئىككىنچى يىلى، دېڭىز ئارمىيىسىنى باشلاپ كېلىپ، سىپرۇس ئارىلىدىكى پېرسىيە قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغان، مۇشۇ ئارالدىكى سالامىس شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغاندا ھالاك بولغان.

كىمۇرا ساكايى

  • كىمۇرا ساكايى[يەشمىسى:]»(1870 — 1943) ياپونىيىلىك ئاسترونوم. مېخانىكا دوكتورى. 1892-يىلى ئىمپېرىيە داشۆسى (كېيىن توكيو ئىمپېرىيە داشۆسىگە ئۆزگەرتىلگەن) پلانىتلار كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1899-يىلدىن باشلاپ مىزوساۋا پاراللېللار تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان ھەمدە 1922-، 1935-يىللىرى خەلقئارا پاراللېللار تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مەركىزىي ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1926-يىلى ئىمپېرىيە باكالاۋر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. پاراللېللار ئۆزگىرىش فورمۇلىسىدىكى z تۈرى (كېمۇرا تۈرى) نى تاپقانلىقى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان. 1937-يىلى بىرىنچى نۆۋەتلىك مەدەنىيەت ئوردىنى بېرىلگەن.

كىنادون

  • كىنادون[يەشمىسى:]» (Kinadon ياكى Cinadon، مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 399) سپارتادىكى ئاددىي خەلقنىڭ ئاتامانى. مىلادىدىن 399 يىل ئىلگىرى (تەخمىنەن شاھ ئاگېسىلاۋ تەختتە تۇرغاندا) ۋەيران بولغان پۇقرالارنى يېتەكلەپ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولۇۋاتقاندا، ئاشكارىلىنىپ قېلىپ مەغلۇپ بولغان، قوزغىلاڭچىلار قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان.

كىنەز كارل

  • كىنەز كارل[يەشمىسى:]»(Ludwig Johann Кarl، 1771 — 1847) ئاۋسترىيە مارشالى. ھەربىي يازغۇچى. لېئوپولد Ⅱ نىڭ ئۈچىنچى ئوغلى. فرانىس Ⅱ نىڭ ئىنىسى. 1792 — 1793-يىللىرى پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، فرانسىيە ئىنقىلابىغا قوراللىق مۇداخىلە قىلغان. 1793-يىلى، ئاۋسترىيىگە قاراشلىق نىدېرلاندىيىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1796 — 1799-يىللىرى ئاۋسترىيە رېيىن رايونى ھەربىي ئىشلار قوماندانى بولۇپ، فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. 1801-يىلى ئوردا ھەربىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى بولغان. 1805-يىلى ئاۋسترىيە ئارمىيىسى ئۇلىم ۋە ئوستېرلىتىس جېڭىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن، ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتىدا ھەربىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. 1809-يىلى فرانسىيىگە قارشى 5-قېتىملىق ئىتتىپاق مەزگىلىدە ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. كېيىن كەينى-كەينىدىن قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، ئاۋسترىيە پادىشاھى تەرىپىدىن ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلانغان. 1836-يىلى 12-ئايدا، دۆلەت ئىشلىرى مەجلىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان. ئۇنىڭ ھەربىي ئىشلارغا دائىر «گېرمانىيىنىڭ 1796-يىلىدىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىن ستراتېگىيىلىك پرىنسىپلار توغرىسىدا»، «ھەربىي يولباشچىلارنىڭ تاكتىكىسى توغرىسىدا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

كىنەز گېسا

  • كىنەز گېسا[يەشمىسى:]» (Géza، ؟—997) ۋېنگرىيە كىنەزى (972 — 997). ئەسلىدە ماگيار قەبىلىسىنىڭ باشلىقى بولغان. كېيىن ھەرقايسى قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى كىنەز دەپ ئاتىغان. تەختتىكى مەزگىلىدە، ۋېنگرلار ئىچىدىكى ئۇرۇقداشلىق قەبىلە تەشكىلاتلىرى تېز پارچىلىنىپ، بارا-بارا فېئوداللىق تۈزۈمگە ئۆتكەن.

كىندى

  • كىندى[يەشمىسى:]»(Kindi-al، 801 — 873) ئەرەب پەيلاسوپى. ئىراقنىڭ كۇفە شەھىرىدە تۇغۇلغان. بەسرە شەھىرىدە بىلىم ئالغان، كېيىن يەنە باغدادتا ئوقۇغان. ئابباسىيلار خاندانلىقىنىڭ ئوردىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. ساپ ئەرەب قان سىستېمىسىدىن بولغاچقا، «ئەرەب پەيلاسوپى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئۇ ئارىستوتېل پەلسەپىسىنى تۇنجى قېتىم تەتقىق قىلغان ئەرەب پەيلاسوپى. ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭى ئەپلاتونچىلارنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرىغان بولۇپ، ئەپلاتون بىلەن ئارىستوتېلنىڭ پەلسەپىۋى نۇقتىئىنەزەرىنى كېلىشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئۇ بىلىشنىڭ ئۈچ باسقۇچى بولىدۇ: بىرىنچى باسقۇچ لوگىكا ۋە ماتېماتىكىدىن باشلىنىپ، ئىككىنچى باسقۇچ يەنى تەبىئىي پەن باسقۇچى ئارقىلىق ئۈچىنچى باسقۇچ يەنى مېتافىزىكا باسقۇچىغا كىرىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇ «قۇرئان» غا نىسبەتەن گۇمانلىنىش پوزىتسىيىسىنى تۇتۇپ، ئۇنى زىددىيەت بىلەن تولغان دەپ قارىغاچقا، ئىسلام دىنىدىكى ۋاھابىيلەر تەرىپىدىن كۇپپار دەپ ئەيىبلىنىپ، ئەسەرلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. ئۇنىڭ بىلىمى مول، ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ 361 خىل ئەسەر يازغان بولۇپ، ئەسەرلىرى گېئومېترىيە، ئاسترونومىيە، مېترولوگىيە، مېدىتسىنا، پسىخولوگىيە، مۇزىكا، مۇنەججىملىك ۋە مېتال تاۋلاش تېخنىكىسى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەرگە چېتىلغان، لېكىن كۆپ قىسمى يوقاپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئەقىل-پاراسەت توغرىسىدا»، «بەش خىل تەبىئىي خۇسۇسىيەت توغرىسىدا»، «لوگىكا مۇقەددىمىسى» قاتارلىقلار بار.

كىننا

  • كىننا[يەشمىسى:]»(Lucius Cornelius Cinna، مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 84) قەدىمكى رىم ئارخۇنى (مىلادىدىن ئىلگىرى 87 — 84). بارىئۇسنىڭ شېرىكى. مىلادىدىن 86 يىل ئىلگىرى ئارخۇن بولۇپ تۇرغاندا، سولچىلارنى كۆپلەپ قىرغان، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان. رىمنىڭ ھوقۇقلۇق ئەربابى ۋە دېموكراتلارنىڭ يولباشچىسى (بۇ چاغدا مارىئۇس ئۆلگەنىدى) بولۇپ قالغان. مىلادىدىن 84 يىل ئىلگىرى سۇللانىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىپ (مىترىدا ئۇرۇشى) قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولغان. ئانكونا (Ankona، ئومبىرىيىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقى) دا ئەسكەرلەر توپىلىڭىدا ئۆلگەن. ئۇنىڭ قىزى كورنېلىيە (Cornelia) جۇلىئۇس كائېسارىنىڭ خوتۇنى.

كىنوشتانا ئويې

  • كىنوشتانا ئويې[يەشمىسى:]» (1869 — 1937) ياپونىيىلىك يازغۇچى. ئوبزورچى. توكيو كەسپىي مەكتىپىنى (ۋاسىدا داشۆسىنىڭ تەكتى) پۈتتۈرگەن. ياش ۋاقتىدا مۇخبىر، ئادۋوكات بولغان. 1897-يىلى ياپونىيىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئومۇمىي سايلام ھەرىكىتىنى قوزغىغان. 1901-يىلى كوتوكۇشۇسۇئى قاتارلىقلار بىلەن بىللە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن. 1903-يىلى پۇقرالار جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، «ئوت يالقۇنى»، «ئېرىنىڭ ئىقرارى» قاتارلىق ئۇرۇشقا قارشى سوتسىيالىستىك ھېكايىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۇرۇشقا قارشى پائالىيەتلەرنى ۋە سوتسىيالىستىك ھەرىكەتلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1905-يىلى خرىستىئان سوتسىيالىستلار ژۇرنىلى «يېڭى ئەسىر» نى نەشىر قىلغان. كېيىن بارا-بارا سىياسىي ھەرىكەتلەردىن ئايرىلغان، ئۇنىڭ تەرجىمىھالى «پۇشايمان»، ھېكايىسى «قەبرىستان»، ئەدەبىي پارچە «ئىلاھ، ئادەم ۋە ئەركىنلىك» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. كېيىن كىنوشتانا ئويې ئەسەرلىرى توپلىمى» دىن 15 توم نەشىر قىلىنغان.

كىنۇت

  • كىنۇت[يەشمىسى:]»(Knud ياكى Cnut ۋە ياكى Canutethe Great، تەخمىنەن 995 — 1035) بۈيۈك كورۇل كىنۇت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىكى دانىيە، ئەنگلىيە، نورۋېگىيىنىڭ كورۇلى. دانىيە كورۇلى سىۋانⅠ نىڭ ئىككىنچى ئوغلى. 1015-يىلى قوشۇن باشلاپ ئەنگلىيىگە باستۇرۇپ كىرگەن. 1016-يىلى تېمزا دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ جايلارنى بېسىۋالغان. ئەنگل ىيە كورۇلى ئېدموندⅡ (EdmundⅡ، تەخمى-ن-ەن 989 — 1016) ۋېسېكېسىغا چېكىنىپ پاناھلانغان. 11-ئايدا قەتل قىلىنغان. شۇ يىلى ئەنگلىيىنى پۈتۈنلەي بويسۇندۇرۇۋېلىپ، ئۆزى ئەنگلىيىگە كورۇل بولغان. 1018-يىلى ئاكىسى — دانىيىنىڭ كورۇلى ھارولد (Harold) ئۆلۈپ پەرزەنتى بولمىغانلىقتىن، 1019-يىلى دانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە چىققان. 1028-يىلى نورۋېگىيە ئىستېلا قىلىنغاندىن كېيىن قوشۇمچە نورۋېگىيىنىڭمۇ كورۇلى بولغان. ئۇ تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە ئەنگلىيىنى شەرقىي ئەنگلىيە، مېركىيە، نورتومبىرىيە ۋە ۋېسېكىستىن ئىبارەت تۆت گرافلىققا بۆلگەن؛ ئاقسۆڭەكلەرگە خوجىلىق يەر ۋە مەرتىۋە-ئۇنۋان ئىنئام قىلىپ بەرگەن. چېركاۋ مەنپەئىتىنى قوغدىغان. ئۆلگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە، دانىيە، نورۋېگىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت شۇئان بۆلۈنۈپ كەتكەن.

كىئوس چوڭ قىرغىنچىلىقى

  • كىئوس چوڭ قىرغىنچىلىقى[يەشمىسى:]» 1822-يىلى تۈركلەرنىڭ كىئوس ئارىلىدىكى (Khios، ئېگېي دېڭىزىدا) گرېك ئاھالىسىگە ئېلىپ بارغان قانلىق زوراۋانلىق ھەرىكىتى. 1821-يىلى گرېتسىيە مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشى پارتلىغان. 1822-يىلنىڭ باشلىرىدا مىللىي پارلامېنت ئاپدولىسدا گرېتسىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى جاكارلىغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋەھشىي ۋاسىتىلەر بىلەن گرېك ئاھالىلىرىنى باستۇرۇپ كىئوس ئارىلىدىكى 23 مىڭ ئاھالىنى قىرغىن قىلغان، 47 مىڭ ئاھالىنى قۇل قىلىپ ساتقان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئارال ئۇزاق ۋاقىتقىچە خارابلاشقان.

كىيېۋرۇس كىنەزلىكى

  • كىيېۋرۇس كىنەزلىكى[يەشمىسى:]» پراۋوسلاۋيانلار دەسلەپكى مەزگىللەردە قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. مىلادى Ⅸ ئەسىردە، پراۋ سىلاۋيانلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى كۈندىن-كۈنگە يىمىرىلىپ، سىنىپىي جەمئىيەتكە ئۆتۈۋاتقان بىرنەچچە قەبىلىلەر ئىتتىپاقى شەكىللەنگەن. بۇنداق شتات قەبىلە كىنەزلىكى دەپ ئاتالغان. ھەرقايسى كىنەزلىكلەر قورغانلىق شەھەرنى مەركەز قىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدە نوۋگورود ۋە كىيېۋ ھەممىدىن چوڭ بولغان. 862-يىلى ۋالاخىيىلىك ھەربىي ئاتامان ريورىك (Рюрик) ئەسكەر باشلاپ نوۋگورودنى ئىشغال قىلغان. 879-يىلى ريۇرىك ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، تۇغقىنى ئولېگ ريۇرىكنىڭ گۆدەك ئوغلى ئىگورغا نائىب بولغان. 882-يىلى ئولېگ كىيېۋ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىنەزلىكلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزىنى نوۋگوروددىن كىيېۋغا يۆتكىگەن، مانا بۇ كىيېۋ-رۇس كىنەزلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 882 — 911-يىللىرى، ئولېگ پراۋوسلاۋيان قەبىلە كىنەزلىكلىرىنى ۋە غەيرىي سلاۋيان قەبىلىلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، پراۋوسلاۋيانلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان دۆلەتنى شەكىللەندۈرگەن. Ⅹ ئەسىردە خرىستىئان دىنى تارقالغان ھەمدە فېئوداللىشىش جەريانى باشلانغان. 987-(ياكى 988-) يىلى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ⅩⅡ ئەسىردە بىرنەچچە فېئودال كىنەزلىككە بۆلۈنۈپ، بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، موڭغۇل قىپچاق خانلىقىغا بويسۇنغان. كېيىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئاستا -ئاستا كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان موسكۋا كىنەزلىكى ئالغان. شۇنىڭ بىلەن رۇسلارنىڭ سىياسىي مەركىزىي شەرقىي شىمالغان يۆتكەلگەن. كىيېۋ رۇس كىنەزلىكى دەۋرىدە مەدەنىيەتمۇ بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. مىلادى Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، نوۋگورود ۋە كىيېۋدا ۋىزانتىيىچە ئىبادەتخانىلار ياسالغان. Ⅻ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ماتېرىيالى مول بولغان «يىلنامە» تۈزۈلگەن.

كيولىن سوتى

  • كيولىن سوتى[يەشمىسى:]» پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ داھىيلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش دېلوسى. 1848-يىلى ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەكسىيەتچىلەرنىڭ خورىكى ئۆرلەپ كەتكەن. 1851-يىلى 5-ئايدا، پرۇسسىيە ساقچى دائىرىلىرى كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ كيولىندا يېڭى قۇرغان مەركىزىي كومىتېتىنى تىنتىپ، ئىتتىپاقنىڭ 11 نەپەر ئەزاسىنى «ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان» دېگەن بەدنام بىلەن قولغا ئالغان. 1852-يىلى 7-ئۆكتەبردىن 21-نويابىرغىچە كيولىن سوتى ئۇلارنى سوتلىغان، مەركىزىي كومىتېت مەخپىي يىغىنىنىڭ ساختا «ئەسلى خاتىرىسى» گە ئاساسەن، سوت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يەتتە ئادەمگە يولسىزلىق بىلەن ئۈچ يىلدىن ئالتە يىلغىچە قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان. ماركس بىلەن ئېنگېلس مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەكسى-يەتچى دائىرىلەرنىڭ ئويدۇرمىسىنى پاش قىلغان.

كيولن-لىندېنتال

  • كيولن-لىندېنتال[يەشمىسى:]» (Lindenthal-Koln) ياۋروپادىكى دوناي مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ قەبىلىلەر خارابىسى. ھازىرقى رېين دەرياسى ۋادىسىدىكى كيولىن شەھەر سىرتىغا جايلاشقان. 1929-يىلى قېزىلغان. خارابىنىڭ پۈتكۈل قىياپىتى تولۇق قېزىپ چىقىلغان. Ⅲ Ⅱئەسىر ئارىسىدا، ئوخشاش بولمىغان تۆت مىللەت بۇ يەردە ياشىغان؛ ئالماشقان مەزگىللەردە، تېرىلغۇ يەرلەر ئاق قالغان. قايسى بىر مىللەت ئالدى بىلەن تېرىقچىلىق قىلىپ، تەدرىجىي قەبىلە شەكىللىنىپ، كۋادرات شەكىللىك 27 ئىمارەت سېلىنغان، قەبىلىدىكى نوپۇسى تەخمىنەن 160 تىن 200 گىچە بولغان. مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەرلەر ئۈنۈمسىزلىشىشكە باشلىغاندا، ئۇلار باشقا جايغا كۆچۈپ كېتىشكەن. نەچچە ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە باشقا بىر مىللەت بۇ يەرگە كېلىپ، تېرىقچىلىق قىلغان، 35 ئىمارەت سالغان، ئاھالىسى 250 تىن، 300 گىچە بولغان. ئۇلار ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەپ، دېھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. بۇ، ياۋروپانىڭ قەدىمكى زامان يېزىلىرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى بىلىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە خارابە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كيولىن ئىشچىلار بىرلەشمىسى

  • كيولىن ئىشچىلار بىرلەشمىسى[يەشمىسى:]» كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى كيولىن ياچېيكىسى قۇرغان ئاشكارا ئاممىۋى تەشكىلات. 1848-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى گوتساك تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئەزالىرىنىڭ كۆپچىلىكى قول سانائەتچىلەر. ئاساسىي رەھبەرلىرى «كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى» نىڭ ئەزالىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتاقلىق شەخسلەردىن مولل، ساپپېر قاتارلىقلار بار. دەسلەپتە، گوتساكنىڭ تەسىرى بىلەن، كۈچلۈك مەزھەپچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، پرولېتارىياتنىڭ بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىغا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، پۈتكۈل گېرمانىيە خەلق پارلامېنتى بىلەن پرۇسسىيە ئىتتىپاق پارلامېنتىنى چەكلەش تاكتىكىسىنى يولغا قويۇپ، دەرھال «ئىشچىلار جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن، ماركس ۋە ئېنگېلسنىڭ ياردىمى ۋە تەربىيىسى ئارقىسىدا، سىياسىي لۇشيەنىدە ئۆزگىرىش بارلىققا كەلگەن. 1848-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ، ماركس بىر مەزگىل بۇ بىرلەشمىنىڭ رەئىسى بولغان. 1848-يىلى قىشتا، گوتساك قاتارلىقلار بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلغان. 1849-يىلى 2-ئايدا قايتا تەشكىللەش ئارقىلىق، ساپپېر رەئىس بولغان. گېرمانىيە ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەكسىيەتچى دائىرىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، رەھبەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى كيولىندىن ئايرىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان، نەتىجىدە بۇ تەشكىلات ئىشچىلارنىڭ ئادەتتىكى تەربىيىۋى تەشكىلاتىغا ئايلىنىپ قالغان. «كيولىن ئىشچىلار بىرلەشمىسى ژۇرنىلى» ناملىق ئورگان ژۇرنىلى بولۇپ، كېيىن «ئەركىنلىك، مېھرىبانلىق ۋە مېھنەت» گېزىتىگە ئۆزگەرتىلگەن.

كيۇچۇك-كەيناردجى سۈلھ شەرتنامىسى

  • كيۇچۇك-كەيناردجى سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:]»1768 — 1774-يىللاردىكى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى سۈلھ شەرتنامە. 1774-يىل 7-ئاينىڭ 21-كۈنى روسىيە بىلەن تۈركىيە كيۇچۇك-كەيناردجى كەنتى (Кайнарджа-Кючук، دۇناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا)دە سۈلھ شەرتنامە تۈزگەن. شەرتنامىگە ئاساسەن، روسىيە كېرچ، ئېنكالې (Еникале)، كىنبۇرن (Кинбурн) ۋە كاباردا (Кабарда) قاتارلىق جايلارغا ئىگە بولغان؛ روسىيە سودا كېمىلىرى قارا دېڭىز ۋە قارا دېڭىز بوغۇزىدا ئەركىن قاتناش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن؛ قىرىم خانلىقى مۇستەقىل بولغان؛ روسىيە ۋالاخىيە ۋە مولداۋىيىگە ھامىيلىق قىلغان؛ تۈركىيە تۆت مىليون رۇبلى تۆلەم تۆلىگەن.

كيۇخارا فوسانوسۇكې

  • كيۇخارا فوسانوسۇكې[يەشمىسى:]» (1869 — 1965) ياپونىيە سودا-سانائەتچىسى. چىڭيىڭ مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ياش ۋاقتىدا مورىمۇرا، فوجىتا گۇرۇپپىلىرىغا قاتناشقان. 1905-يىلى تاتېيۇكو كانچىلىق شىركىتىنى قۇرغان (كېيىن كيۇخارا كانچىلىق ھەسسىدارلىق شىركىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن). 1910-يىلى تاتېيۇكو كارخانىسىنى تەسىس قىلغان. 1918-يىلى كيۇخارا سودا ئىشلىرى شىركىتىنى قۇرغان. 1927-يىلى بارلىق كارخانىلارنى ئائىكاۋا گىسۇكېنىڭ (1880 — 1967) باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. تاناكا گېئىچى ئىچكى كابىنېتىنىڭ پوچتا ئىشلىرى ۋەزىرى، سەپداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ لېدىرى، ئىچكى كابىنېتنىڭ مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن قىسقارتىلغان. قىسقارتىش بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1955-يىلى ياپونىيە-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خەلق پارلامېنت ۋەكىللىرى زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ جۇڭگونى زىيارەت قىلغان.

كيۇرىي

  • كيۇرىي[يەشمىسى:]» (Pierre Curie، 1859 — 1906) فرانسىيىلىك فىزىكا ئالىمى، يېقىنقى زامان رادىئوئاكتىپلىق ماددا ۋە ئاتوم تۈزۈلۈشى تەتقىقاتىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. دوختۇر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كىچىك ۋاقتىدا ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان. 16 يېشىدا پارىژ داشۆسىگە ئوقۇشقا كىرىپ، فىزىكا ئۆگەنگەن. 19 يېشىدا پارىژ تەبىئىي پەن شۆيۈەنىدە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى ۋە تەجرىبە يېتەكچىسى بولغان. 1880-يىلى ئىنىسى ياك بىلەن كرىستالنىڭ فىزۇ ئېلېكترىك ھادىسىسىنى بايقىغان. 1891-يىلى ماگنىتلىق ماددىنىڭ ماگنىتسىزلىنىش تېمپېراتۇرىسى — كيۇرىي نۇقتىسى ۋە كيۇرىي قانۇنىنى (يەنى ماگنىتلىق ماددىنىڭ كيۇرىي نۇقتىسىدا ماگنىتلىنىش كوئېففىتسېنتى مۇتلەق تېمپېراتۇرا بىلەن تەتۈر نىسبەتلىك بولۇش قانۇنى، 1907-يىلى ۋېس تەرىپىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن) بايقىغان. ماگنىتلىق ماددا تەتقىقاتىغا بولغان ئورتاق قىزىقىش فرانسىيىدە ئوقۇۋاتقان پولشالىق قىز ئوقۇغۇچى مارېي سىكلودوۋىسكا بىلەن كيۇرىينى بىرلەشتۈرگەن ھەمدە 1895-يىلى ئىككىسى توي قىلغان. بېككلېرنىڭ ئوران رادىئوئاكتىپلىق ھادىسىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىنىڭ ئىلھامى ئاستىدا ئەر-خوتۇن كيۇرىيلار جاپالىق تىرىشىپ، ئاقىۋەت پولونىينى ۋە رادىينى تاپقان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاتوم دۇنياسىنىڭ سىرىنى ئېچىپ، دەۋر بۆلگۈچلۈك تۆھپە كۆرسەتكەن. 1903-يىلى ئەر-خوتۇن كيۇرىيلار ۋە بېككلېر نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1904-يىلى پارىژ داشۆسىنىڭ فىزىكا پروفېسسورلۇقىغا تەيىنلەنگەن.1905-يىلى تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئاكادېمىك بولۇپ سايلانغان. 1906-يىل 4-ئاينىڭ 19-كۈنى پارىژ كوچىسىدا بىر پەيتۇنغا سوقۇلۇپ كېتىپ، بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتكەن.

كيۇرىي خانىم

  • كيۇرىي خانىم[يەشمىسى:]»(Marie Sklodowsk Curie،1867 — 1934) فرانسىيىلىك خىمىيە ۋە فىزىكا ئالىمى. پولەك. ئەسلى ئىسمى مارې سىكلودوۋىسكا. ۋارشاۋادىكى بىر زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن 1891-يىلى پارىژ داشۆسىگە بېرىپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولغان. 1895-يىلى پېئېرې كيۇرې بىلەن توي قىلىپ، بىرلىكتە رادىئوئاكتىپلىق ھادىسىسىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پولونىي ۋە رادىيدىن ئىبارەت تەبىئىي رادىئوئاكتىپلىق ئىككى خىل ئېلېمېنتنى تاپقان. 1903-يىلى ئەر-خوتۇن ئىككىسى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1906-يىلى ئېرى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىلمىي تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرغان ھەمدە پارىژ داشۆسىنىڭ پروفېسسورلۇقىنى ئۈستىگە ئالغان. 1911-يىلى يەنە خىمىيە پېنى بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «رادىئوئاكتىپلىق توغرىسىدا ئومۇمىي مۇلاھىزە» ۋە «رادىئوئاكتىپلىق ماددا ئۈستىدە تەتقىقات» قاتارلىق كىتابلارنى يازغان.

كيېرسى پەرمانى

  • كيېرسى پەرمانى[يەشمىسى:]مىلادى 877-يىلى غەربىي فرانك كورۇلى چارلېس (پاينەكباش) كيېرسى (oise-sur-Kiersy، قەدىمكى نامى) دا جاكارلىغان بىر پەرمان. ئۇنىڭدا يەرلىك ئەمەلدار بولغان گرافنىڭ خىزمىتىگە ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن گرافنىڭ ئۆزىنىڭ خوجىلىق يېرىدە ئىگە بولغان سىياسىي مۇستەقىللىكى قەيت قىلىنغان. 

كروگ

  • كروگ[يەشمىسى:]August Krogh، 1874 — 1949). دانىيىلىك فىزىئولوگ. 1899-يىلى كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زوئولوگىيە پاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. C. پول فىزىئولوگىيە تەجرىبىخانىسىدا ئىشلىگەن. 1908-يىلى كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1916 — 1945-يىللىرى پروفېسسور بولغان. كاپېللىيار تومۇر (قىل تومۇر) نىڭ قاننى تەڭشەپ مۇسكۇلغا قان يەتكۈزۈپ بېرىشتىكى مېخانىزملىق رولى تەتقىقاتىغا تۆھپە قوشۇپ، 1920-يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا ئىلمى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. گازنى يەڭگۈشلەش مېخانىزمى قاتارلىق جەھەتتىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ «ئۆپكىدىكى ھاۋانى يەڭگۈشلەش مېخا-نىزمى»، «كاپېللىيار تومۇر ئاناتومىيىسى ۋە فىزىئولوگىيىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.