ئى🔗

ئى

ئىبنۇل ئەسىر

ئىئانكۇ

ئىبسېن

ئىبىن ئابدۇل ھەكەم

ئىبنى باتۇتە

ئىبنى خەلدۇن

ئىبنى خەللىككان

ئىبنى روشىد

ئىبنى رۇستاھ

ئىبن-ى ساد

ئىبنى سەئۇدى

ئىبنى سىنا

ئىبنى فادلان

ئىبنى مەيمۇن

ئىبنى خورتادبى

ئىبنى ھاتەم

ئىبنى ئىسھاق

ئىبنى يۇنۇس

ئىپتىدائىي توپ

ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمى

ئىپسوس جېڭى

ئىپوئۇر نەسىھەتلىرى

ئىپسلانتى

ئىتاگاكى تائىسۇكى

ئىتاگاكى شېئىشىرو

ئىتالىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى

ئىتالىيە گۈللىنىش ھەرىكىتى ⅩⅨ

ئىتالىيە مىللىي ئۇيۇشمىسى

ئىتالىيە ئۇرۇشى

ئىتالىيىدىكى 1848 — 1849-يىللاردىكى ئىنقىلاب

ئىتالىيىدىكى 1859 — 1860-يىللاردىكى ئىنقىلاب

ئىتالىيىگە قارام سومالى

ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى

ئىتتىپاق تۈزۈش بايرىمى

ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر

ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسى ئالىي باش قوماندانلىق شتابى

ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشى

ئىتتىپاق نىزامى

ئىتوجىنساي

ئىتوخىروبۇمى

ئىتوربىد

ئىجارە قانۇنى

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نىزامى

ئىجتىمائىي كۇلۇب

ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى

ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى

ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى

ئىچكوۋ سۈلھ شەرتنامىسى

ئىچكى رايونلار قوشۇنى

ئىچكى ئۇرۇش خاتىرىلىرى

ئىچى جاجى

ئىچىكا ۋاشوئىچى

ئىدرىس

ئىدىرىس

ئىدىرىس خاندانلىقى

ئىراق-ئىئوردانىيە ئىتتىپاقى

ئىران بۇرژۇئا ئىنقىلابى

ئىران-تۈركىيە ئۇرۇشى

ئىران مىللەتچىلىرى

ئىراننىڭ نېفىتنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈش ھەرىكىتى

ئىرسۇ قوزغىلىڭى

ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قانۇنى

ئىرلاندلار بىرلەشمىسى

ئىرلاندىيە ئاپتونومىيە قانۇنى

ئىرلاندىيە يەر ئىتتىپاقى

ئىرلاندىيىدىكى پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭى

ئىرلاندىيە ئۇرۇشى

ئىسابېل

ئىساكوۋىسكىي

ئىساكىس

ئىساكيان

ئىسانوپۇرا دۆلىتى

ئىسپانىيە پادىشاھلىقى ئاساسىي نىزامى

ئىسپانىيە پارلامېنتى

ئىسپانىيە خەلق سېپى

ئىسپانىيە سوتسىيالىست لېبورىستلار پارتىيىسى

ئىسپانىيە شەھەر جامائەت قوزغىلىڭى

ئىسپانىيە-ماراكەش ئۇرۇشى

ئىسپانىيە ماركى Spanish)

ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى

ئىسپانىيىدىكى 1868 — 1874-يىللاردىكى ئىنقىلاب

ئىسپانىيىدىكى 1854 — 1856-يىللاردىكى ئىنقىلاب

ئىسپانىيىدىكى 1808 — 1814-يىللاردىكى ئىنقىلاب

ئىسپانىيىدىكى 1834 — 1843يى-للاردىكى ئىنقىلاب

ئىسپانىيىدىكى 1820 — 1823-يىللاردىكى ئىنقىلاب

ئىسپانىيىنىڭ 1812-يىلدىكى ئاساسىي قانۇنى

ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى

ئىستانبول قوزغىلىڭى

ئىستاھر

ئىستورىئوگرافىيە

ئىستورىزم

ئىستېمال

ئىسدۇر (سېۋىلىيىلىك)

ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقى

ئىسسىز كۆمۈركان ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى

ئىسكەندەر بىي

ئىسكراچىلار

ئىسكىلوس

ئىسلاز خىتابنامىسى

ئىسلام دىنى

ئىسلامدىنى ئىتتىپاقى

ئىسلام يىغىنى

ئىسلاھاتچىلار جەمئىيىتى

ئىسلاھاتچىلىق

ئىسلاھات گېزىتى تەرەپدارلىرى

ئىسمائىل

ئىسمائىلⅠ

ئىسمائىلىيە مەزھىپى

ئىسورىيە خانلىقى

ئىسوكرات

ئىسو ئۇرۇشى

ئىسىن

ئىشچى-ئەسكەرلەر ۋەكىلى سوۋېتى

ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش جەمئىيىتى

ئىشچىلار ھەرىكىتى بىرلەشمىسى

ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى

ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى

ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى

ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى

ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى

ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى

ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئومۇم ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى

ئىشلەمچىلەر تۈزۈمى

ئىشىباشى تانزان

ئىشخارا كانجى

ئىشىكاۋا تاكوبوكۇ

ئىشىكاۋا چىيوماتسۇ

ئىشىك ئالدىدىكى بازار

ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى

ئىشى ئى كىكۇجىرو

ئىفتالىتلار

ئىفىگېنىيە

ئىقبال

ئىقتىسادۋازلار

ئىقتىسادىي قانۇن

ئىقتىسادىي قانۇنىيەت

ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتى

ئىكتا

ئىكون سۇلتانلىقى

ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى

ئىككى سىتسىلىيە پادىشاھلىقى

ئىككىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقى

ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنى

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى

ئىككىنچى فرونت

ئىككىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى

ئىككىنچى ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنى

ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال

ئىككىنچى ئىيۇن قوزغىلىڭى

ئىككى يېرىمىنچى ئىنتېرناتسىئونال

ئىكېدا ماياتو

ئىكېدايا ۋەقەسى

ئىگور

ئىگورنىڭ يىراققا يۈرۈش خاتىرىسى

ئىگىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەمئىيىتى

ئىلاھپەرەستلەر توپىلىڭى

ئىلاھ را

ئىلاھلار بۇتخانىسى

ئىلتىپات قىلىنغان ئىمتىياز

ئىلتىپات ئىزدەپ تاۋاپ قىلىش

ئىللىرىيە

ئىللىرىيە ئۆلكىسى

ئىلمىي سوتسىيالىزم

ئىلمىي كوممۇنىزم

ئىلىكخان خانلىقى

ئىلىن

ئىلىندون قوزغىلىڭى

ئىلياگورچاكوۋ

ئىمام

ئىمام بوندجول

ئىمپېراتور

ئىمپېراتور ئالېكساندر

ئىمپېراتور سنمېئون

ئىمپېراتور كارولۇس

ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنى

ئىمپېرىيە باكالاۋرلار ئاكادېمىيىسى

ئىمپېرىيە نائىب ھۆكۈمىتى

ئىمپېرىيىنىڭ ئەينەك چېقىلغان كېچىسى

ئىممانۇئېلⅡ

ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتى

ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى

ئىنتېرناتسىئونالىزم

ئىندرا

ئىندرا

ئىندىراگەندى

ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى نەزەرىيىسى

ئىنكا ئىمپېرىيىسى

ئىننوسېنⅢ

ئىنوكايى تاكېشى

ئىنۇگامنۇمىتاسۇكى

ئىنوۋى كائورۇ

ئىھارا سايكاكۇ

ئىئو

ئىئورگا

ئىئوسىيە

ئىئوففې

ئىئومىنى

ئىئونىئانلار

ئىئونىيە

ئىۋاكورا تومومى

ئىۋان Ⅰ (خالتا)

ئىۋانⅢ

ئىۋان Ⅳ (چاقماق ئىمپېراتور)

ئىۋان سۇسانىن

ئىۋانكوۋىچ جېڭى

ئىۋانوس

ئىۋايلو قوزغىلىڭى

ئىۋىنې

ئىدا ۋەقەسى

ئىئى نائوسۇك-ى

ئىيسا قىددىس

ئىيۇل پاجىئەسى

ئىيۇل خاتىرە تۈۋرۈكى

ئىيۇل خاندانلىقى

ئىيۇل ۋەقەسى

ئىيۇل ئىنقىلابى

ئىيۇن قانلىق ھەپتىسى

ئىيۇن قوزغىلىڭى

ئىيۇن نامايىشى

ئىيېزۇئىت دىنى

ئىزاھى

ئىبنۇل ئەسىر

  • ئىبنۇل ئەسىر[يەشمىسى:] (al - Ibn - Athir، 1160 — 1233) ئەرەب تارىخشۇناسى. ئۇزاققىچە مۇسۇلدا تۇرغان ھەمدە دائىم باغدادقا زىيارەتكە بېرىپ تۇرغان، سالاھىددىننىڭ قوشۇنى بىلەن سۈرىيىگە بارغان، كېيىن ھەلەب ھەم دەمەشقتە تۇرغان. «تارىخى تەبەرى» ۋە «پايانسىز دالىدىكى شىر توپى» دېگەن ئەسەرلىرى بار. ئالدىنقىسى 12 چوڭ جىلدقا بۆلۈنىدۇ. ئۇ تەبەرى (al - Tabari) نىڭ «تارىختىن بۇيانقى ئەۋلىيالار ۋە خان پادىشاھلار تارىخى» دېگەن كىتابىنىڭ قىسقارتىلغان نۇسخىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەزمۇنى ئەسلى كىتابنىڭكىدىن تەپسىلىي ۋە رەتلىك بولغان ھەمدە ئۇنىڭغا1231-يىلغىچە بولغان ئەھۋال كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا ئائىت خاتىرىلەرنىڭ خېلى زور قىممىتى بار. كېيىنكى كىتاب مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 7500 نەپەر مۇخلىسىنىڭ تەرجىمىھالى بولۇپ، ئەرەب تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

ئىئانكۇ

  • ئىئانكۇ[يەشمىسى:]Avram Iancu، 1824 — 1872) رۇمىنىيىلىك ئىنقىلابىي دېموكراتىزمچى. 1848 — 1849-يىللىرىدىكى ترانسىلۋانىيە دېھقانلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئادۋوكات بولغان. 1848-يىلى 3-ئايدا تىرگۇ-مۇرېس (Tirgu-Mures) تىكى رۇمىنىيە-ماگار قۇرۇلتىيىدا يانچىلارنى ھەقسىز ئازاد قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.1848-يىلى 5-ئايدا بلاج (Blaj) خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھارپىسىدا، تۇنجى قېتىملىق ئىنقىلابنى قوزغاشقا قاتناشقان. 1849-يىلى نىكولاي بالچېسكۇ باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابىي دېموكراتلارنى قوللاپ، ۋېنگرىيە بىلەن بىرلىشىشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن چارروسىيىنىڭ قوراللىق ئارىلىشىشى ئارقىسىدا، ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن تەركىدۇنيا بولۇپ كەتكەن.

ئىبسېن

  • ئىبسېن[يەشمىسى:]1) ھېنرىك يۇھان ئىبسېن (Henrik Johan Ibsen، 1828 — 1906) نورۋېگىيىلىك دراماتورگ. ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تىياتىرىنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىسى. نورۋېگىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى شىئېن (Skien) شەھىرىدىكى ۋەيران بولغان سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دورا دۇكىنىدا شاگىرت بولۇپ ئىشلىگەن. ياش ۋاقتىدا ياۋروپا بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، نورۋېگىيە مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1848-يىلى يېزىقچىلىقنى باشلىغان. 1851-يىلى بېرگىن دۆلەت تىياتىرخانىسىنىڭ رېژىسسورى بولغان، 1857-يىلىدىن باشلاپ كرىستىئانىيە (Christiania، ھازىرقى ئوسلو Oslo) دىكى نورۋېگىيە تىياتىرخانىسىدا بەدىئىي يېتەكچى ۋە ئەدەبىيات مەسلىھەتچىسى بولغان. 1864 — 1891-يىللىرى ئىتالىيە ۋە گېرمانىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. دەسلەپكى سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى نورۋېگىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىنى ماتېرىيال قىلغان بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەر ئىدىيىنى ئىپادىلىگەن، رومانتىزملىق تۈسكە ئىگە. مەسىلەن: «تەخت تەمەخورى»، «ئېستردىكى ئىنگې خانىم» قاتارلىقلار. ئۇ يەنە شېئىرىي تىياتىر «برانت»، «پېرگېنت» قاتارلىقلارنى ئېلان قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە «ياشلار ئىتتىپاقى» رېئالىزملىق شەكىلدە ھازىرقى زامان ۋەقەلىكىنى يازغان تۇنجى ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. 1877-يىلىدىن كېيىن «جەمئىيەتنىڭ تۈۋرۈكى»، «قورچاقلار ئائىلىسى»، «ئالۋاستىلار»،«خەلقدۈشمىنى» قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تىياتىرىنىئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، ئەخلاق، دىن، قانۇن، مائارىپ ۋە ئاياللارنىڭ ئورنى قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى دېموكراتىيە، ئەركىنلىكنىڭ ساختىلىقى ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئەتپەرەسلىكىنى، مىشچانلىقىنى پاش قىلىپ، ئەخلاقنى ياخشىلاش ۋە شەخسىيەتچىلىكتىن «يۈز ئۆرۈش روھى» ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى «ياۋا ئۆردەك»، «رۇسمۇ يېزىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە پېرسوناژلارنىڭ روھىي ھالىتىنى سۈرەتلەشكە ۋە مەنىۋى ھاياتىنى ئانالىز قىلىشقا ئۆتكەن بولۇپ، ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى ۋە سىمۋولىزملىق تۈسكە ئىگە. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى يېقىنقى زامان تىياتىرىنىڭ تەرەققىياتىدا كەڭ تەسىرگە ئىگە. (2) سىگۇرد ئىبسېن (Sigurd Ibsen، 1859 — 1930) نورۋېگىيە دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى (1903 — 1905)، يازغۇچى. ھېنرىك يوھان ئىبسېننىڭ ئوغلى. 1882-يىلى رىمدا قانۇن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1889-يىلى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى تاشقى مۇناسىۋەت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1892 — 1895-يىللىرى «يېڭى ژۇرنال» نىڭ مۇھەررىرى بولغان. 1903-يىلى دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. ۋەزىپىسىدىن بوشانغاندىن كېيىن سىياسىي ساھەدىن قول ئۈزگەن. «قوڭغۇراق چالغۇچى»، «روبېرت فېنەنكى»، «خاتىرىدىكى مۇقەددەس ئوردا» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى ۋە سىياسىي ئوبزور ئەسەرلىرى بار.

ئىبىن ئابدۇل ھەكەم

  • ئىبىن ئابدۇل ھەكەم[يەشمىسى:]Ibn Abdb-al-Hakam، ؟ — 870 ياكى 871) ئەرەب تارىخشۇناسى. مىسىرلىق. «مىسىرنىڭ ئىستېلا قىلىنىشى ۋە ئۇ يەردىن كەلگەن خەۋەرلەر» دېگەن ئەسىرى بار بولۇپ، ئەرەبلەرنىڭ مىسىر، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئىسپانىيىنى ئىستېلا قىلغانلىقىغا دائىر ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ ئىلگىرىكى ھۈججەت ھېسابلىنىدۇ.

ئىبنى باتۇتە

  • ئىبنى باتۇتە[يەشمىسى:]Ibn-Batūtah، 1304 — 1377) ئەرەب ساياھەتچىسى. تەنجە (ھازىرقى ماراكەشكە قارايدۇ) دە تۇغۇلغان. 1325-يىلى يۇرتىدىن ئايرىلىپ، يىراق جايلارنى ساياھەت قىلغان. ئافرىقىنىڭ شىمالى، سۈرىيە، ئەرەب يېرىم ئارىلى، كىچىك ئاسىيا، قارا دېڭىز ۋە كاسپىي دېڭىزى رايونى ھەمدە ئىران، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان، سەيلون (ھازىرقى سىرىلانكا)، ھىندىستان، مالاي تاقىم ئاراللىرى ۋە جۇڭگو قاتارلىق جايلارغا بارغان. 1349-يىلى يۇرتىغا قايتىپ بارغان. 25 يىلدا 122 مىڭ كىلومېتر يول باسقان. ئۇزاق ئۆتمەي يەنە بۇيرۇققا بىنائەن ئىسپانىيىدىكى مۇسۇلمانلار دۆلىتىگە ئەلچى بولۇپ بارغان. كېيىن يەنە غەربىي ئافرىقىدىكى مالى دۆلىتىدە زىيارەتتە بولغان. 1354-يىلى مەملىكىتىگە قايتىپ كېلىپ، فېستا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. كېيىن ساياھەت جەريانىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، ماراكەش سۇلتانىنىڭ كاتىپى مۇھەممەد ئىبنى جوزائى (Mohammed ibn Juzai) قەلەم تەۋرىتىپ «گۈزەل مەملىكەتلەرنى ساياھەت قىلغۇچىنىڭ خۇشاللىقى» دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققان. بۇ ناھايىتى قىممەتلىك ساياھەت خاتىرىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئىبنى خەلدۇن

  • ئىبنى خەلدۇن[يەشمىسى:] ibn-khaldun، 1332 — 1406) ئەرەب تارىخشۇناسى، پەيلاسوپى. تۇنىسنىڭ كايروۋان دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. فېستا ھۆكۈمەت خىزمىتىدە بولغان. 1362-يىلى ئىسپانىيىنىڭ گرانادا دېگەن يېرىگە بېرىپ كورۇل مۇھەممەد Ⅴ نىڭ ئوردا خىزمىتىدە بولغان. 1384-يىلى مىسىر مەملۈكلەر خاندانلىقىنىڭ باش قازىسى بولغان. 1401-يىلى دەمەشقتىكى تېمۇر قارارگاھىغا ئەلچى بولۇپ بارغان. «ئەرەبلەر، پارسلار، بەر-بەرلەر تارىخىدىن ئىبرەت ئېلىش ۋە ئۇنىڭ باش-ئاخىرى» دېگەن ئەسىرى بار. پۈتۈن كىتاب مۇقەددىمە، تېكىست ۋە قوشۇمچە بولۇپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. جەمئىي يەتتە جىلد. تېكىستتە ئەرەبلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا مىللەتلەرنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان، قوشۇمچىدە بەربەرلەر ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ھەرقايسى مۇسۇلمان خاندانلىقلارنىڭ تارىخى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ بايان قىلىنغان. مۇقەددىمىدە تارىخ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇنداق بىر خىل نەزەرىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغان: مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاك بولۇش قانۇنىيىتى شەرھلىنىپ، كىلىمات، يەر شارائىتى، ئەخلاق ۋە روھىي كۈچ قاتارلىق ئامىللارنىڭ تارىخ تەرەققىياتىدا ئوينايدىغان زور رولى چۈشەندۈرۈلگەن: تارىخ ئىلمىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى— پاكىتنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، ئۇلارنىڭ سەۋەبىيەت مۇناسىۋىتىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە تارىخ قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىقىش؛ تارىخ ئىلمىنىڭ ئوبيېكتى — ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە بارلىق ماددىي مەدەنىيەت، مەنىۋى مەدەنىيەتتىن ئىبارەت دەپ قارالغان. ئۇنىڭ تارىخ ئەسەرلىرى ئەرەب تارىخشۇناسلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بەزى ئالىملار ئۇنى مەدەنىيەت تارىخىغا ئۇل سالغۇچى، دەپ قاراپ ئەرەبلەرنىڭ «تارىخ پەيلاسوپى» دەپ ئاتىغان.

ئىبنى خەللىككان

  • ئىبنى خەللىككان[يەشمىسى:]Ibn - Khallikan، 1211 — 1282) ئەرەب تارىخشۇناسى. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئەرەبىلىدە تۇغۇلغان. ھەلەب ۋە دەمەشقتە ئوقۇغان. مىسىر باش قازىسىنىڭ ياردەمچىسى بولغان. 1261-يىلى سۈرىيىگە باش قازى بولغان. «ئادەم ئىسىملىكى لۇغىتى» دېگەن ئەسىرىگە ئىسلام دىنىدىكى مۇھىم شەخسلىرىدىن 865 كىشى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىنىڭ پۇختا، پاكىتىنىڭ توغرا بولۇشى بىلەن كېيىنكىلەر تەرىپىدىن تەرىپلىنىپ، شۇ چاغدىكى ئەڭ ياخشى ئادەم ئىسىملىكى لۇغىتى دەپ قارىلىپ، يېقىن شەرقنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى تەتقىق قىلىشتا مول ۋە مۇھىم ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بەرگەن.

ئىبنى روشىد

  • ئىبنى روشىد[يەشمىسى:]Ibn - Rushd، 1126 — 1198) ئەرەب پەيلاسوپى، تىبابەتچىلىك ئالىمى. ياۋروپالىقلار ئاۋېرروئې (Averroes) دەپ ئاتايدۇ. ئىسپانىيىنىڭ كوردوۋا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. سېۋىلىيە ۋە كوردوۋادا قانۇن ئەمەلدارى بولغان. 1182-يىلى، مۇۋاھىد خاندانلىقى پادىشاھىنىڭ دوختۇرى بولغان. 1194-يىلى، بىدئەت دەپ گۇمانلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان. ماراكەش (Marrakesh) تە ئۆلگەن. ئەقىلچىلىك تەرەپدارى پەيلاسوپى بولۇپ ئەل غەززالى (al-Ghazzali) نىڭ «پەيلاسوپلارنىڭ زىددىيىتى» دېگەن كىتابىدىكى ئەقىلچىلىككە قىلىنغان ھۇجۇمنى كۆزدە تۇتۇپ «زىددىيەتنىڭ زىددىيىتى» نى يېزىپ ئۇنىڭغا رەددىيە بەرگەن. ئاللا ۋەھىسىدىن باشقا جىمىكى نەرسە ئەقىلنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنۇشى كېرەك، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. شەخس روھى ئۆلمەيدۇ دېگەننى ئىنكار قىلىپ، ماددا ۋە ھەرىكەتنىڭ ئەبەدىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. «ئىككى ياقلىما ھەقىقەت» نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلىپ، ئىلىم-پەن ھەقىقىتى بىلەن دىن ھەقىقىتىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ھەقىقەت مەۋجۇت، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بار، ئىلىم-پەن ھەقىقىتىدە ھەقىقەت دەپ قارالغان نەرسە، ئىلاھىيەت نۇقتىئىنەزەرىدە خاتا بولۇشى مۇمكىن، ئەكسىچە بولغاندىمۇ شۇنداق بولىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ خىل نۇقتىئىنەزەر ئىلىم-پەننى مەلۇم دەرىجىدە دىنىي ئىلاھىيەتنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، نىسپىي مۇستەقىل ئەركىنلىككە ئىگە قىلغان. پۈتۈن ھاياتىنى ئارىستوتېلنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىش، سېلىشتۇرۇش ۋە ئىزاھلاشقا سەرپ قىلغان. ئۇنىڭ شەرھلىرى لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، غەربكە كىرگەندىن كېيىن، غەربىي ياۋروپا مەدرىس پەلسەپىسىگە چوڭقۇر!تەسىر كۆرسىتىپ، ئارىستوتېل تەلىماتلىرىنى ئىزاھلاش بويىچە ئەڭ نوپۇزلۇق ئىزاھلىغۇچى دەپ قارالغان. ⅩⅥ ئەسىردىن ئىلگىرىكى ئەسەرلىرى كاتولىك چېركاۋى تەرىپىدىن قىسقارتىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ياۋروپادىكى باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ دەرسلىك كىتابى قىلىنىپ كەڭ تارقىتىلغان. «تىبابەتچىلىكنىڭ ئومۇمىي قائىدە قانۇنلىرى» دېگەن تىبابەتچىلىك ئەسىرىمۇ بار.

ئىبنى رۇستاھ

  • ئىبنى رۇستاھ[يەشمىسى:]Ibn-Rustah) ئەرەب جۇغراپىيونى. مىلادى Ⅸ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ياشىغان، پېرسىيىلىك. تەخمىنەن 903-يىلى «ئېسىل بۇيۇملار توپىمى» دېگەن كىتابنى يازغان. بۇ يېقىن شەرق، ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقىي ياۋروپا تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا ۋىزانتىيە، ھىندىستاننىڭ شەرق قىسمى ۋە سلاۋىيانلارنىڭ شەرق قىسمى ۋە سلاۋىيانلارنىڭ ئەھۋالى خاتىرىلەنگەن. بۈگۈنگىچە يەتتە تومىلا ساقلىنىپ قالغان.

ئىبن-ى ساد

  • ئىبن-ى ساد[يەشمىسى:]SadIbn، ؟ — 845) ئەرەب تارىخشۇناسى. ۋاچىدى (WaqidiAl) غا كاتىپ بولغان. «ئاقسۆڭەكلەر ئىسىملىكى قامۇسى» دېگەن ئەسىرى بار. بۇ، مەزمۇنغا باي، تۈرلەرگە بۆلۈپ يېزىلغان تەزكىرە بولۇپ، بۇنىڭدا مۇھەممەد پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى ھەم ساھابىلىرىنىڭ شاگرىتلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرى خاتىرىلەنگەن.

ئىبنى سەئۇدى

  • ئىبنى سەئۇدى[يەشمىسى:]Abdul Aziz Ibn Abdul Rahman Ibn Saud، 1880 — 1963) ئابدۇل ئەزىز دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھى (1932 — 1953). نەجد (Najd) ئەمىرى ئىمام ئابدۇل راخماننىڭ ئوغلى. دادىسى بىلەن بىللە چەت ئەلدە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن. 1901-يىلى نەجد پادىشاھلىقى ئەمىرلىكىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1914-يىلى زېمىنىنى پېرسىيە قولتۇقىغىچە كېڭەيتكەن. 1925-يىلى پۈتۈن ھېجازنى بويسۇندۇرۇپ نەجد بىلەن ھېجازنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1927-يىلى ھېجاز ۋە نەجد پادىشاھى دەپ ئاتالغان. 1932-يىلى دۆلەت ئىسمىنى سەئۇدى ئەرەبىستانى دەپ بېكىتكەن. تەختتىكى مەزگىلىدە، ئىسلام دىنى ۋاھابىلارنىڭ كۈچىنى ئۇلغايتىپ، سەئۇدى جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، قەبىلىلەرنىڭ تەپرىقە ھالىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن خاتىمە بېرىپ، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ھاكىمىيەت ئورناتقان؛ باشقا مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا زەربە بېرىپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قوغدىغان، دىپلوماتىيە جەھەتتە، يەھۇدىي قىساسچىلىرىغا ۋە كوممۇنىزمغا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان. 1933-يىلى كۆپلىگەن زېمىنىنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەتتىن ھالقىغان نېفىت شىركىتىگە ئىجارىگە بەرگەن. كېيىن نېفىت ئىگىلىك ھوقۇقىنى بارا-بارا قايتۇرۇۋېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىنى مۇھىم نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە نېفىت چىقىرىش دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ، مىللىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىبنى سىنا

  • ئىبنى سىنا[يەشمىسى:]Sina-Ibn، 980 — 1037). ياۋروپالىقلار ئاۋىسېننا (Avicenna) دەيدۇ، مەشھۇر تىببىي ئالىم ۋە پەيلاسوپ. «ھەكىملەر شاھى» دەپ نام ئالغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخارا ئەتراپىدىكى ئېفسېن (Efshen) يېزىسىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا تىبابەتچىلىك ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن، سامانىلار (Saman) خاندانلىقى ھۆكۈمرانىنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقانلىقتىن، خانلىق كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتابلارنى كۆرۈشكە يول قويۇلغان. سامانىلار خانلىقى يوقىتىلغاندىن كېيىن، خارەزىم، ھەمەدان، ئىسپاھان قاتارلىق جايلاردا تۇرغان. ئەسەرلىرىدىن بەش توملۇق «تىبنامە» بولۇپ، مەزمۇنى بەكمۇ مول، ئۇ قەدىمكى يۇنان ۋە ئەرەب تىبابەتچىلىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن، تىبابەتچىلىك ئېنسكلوپېدىيىسى دەپ نام ئالغان. ئۇ بۇرۇنقىلارنىڭ تىبابەتچىلىكتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى سىستېمىلىق يەكۈنلەپلا قالماستىن، بەلكى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمى ۋە دورىگەرلىكنىمۇ بېيىتقان ھەمدە تەرەققىي قىلدۇرغان. Ⅻ ئەسىردە، «تىبنامە» لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، غەرب تىبابەتچىلىكىنىڭ قىبلىنامىسى بولۇپ قالغان، تاكى ⅩⅦ ئەسىرگىچە ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا دەرسلىك قىلىپ قوللىنىلغان. ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى فارابىنىڭكىگە مايىل بولۇپ، ئارىستوتېل ۋە يېڭى ئەپلاتونىزمنىڭ تەسىرىنى چوڭقۇر قوبۇل قىلىپ، ماتېرىيالىزم بىلەن ئىدېئالىزم ئوتتۇرىسىدا تەۋرىنىپ تۇرغان، غەربىي ياۋروپا مەدرىس پەلسەپىسىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن «تىببىي قانۇن» قاتارلىق پەلسەپىۋى ئەسەرلىرى بار.

ئىبنى فادلان

  • ئىبنى فادلان[يەشمىسى:]Ahmad IbnFadlan) تەخمىنەن مىلادى Ⅹ ئەسىردىكى ئەرەب ساياھەتچىسى. 921 — 923-يىللىرى ئابباسىيلار خاندانلىقى خەلىپىلىكى ئەلچىسىنىڭ كاتىپى بولۇپ، ۋولگا دەرياسىنىڭ بويىدىكى بۇلغارلار دۆلىتىگە بارغان. ساياھەت خاتىرىسى دېگەن ئەسىرى ۋولگا دەرياسى بويى رايونلىرى توغرىسىدىكى مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

ئىبنى مەيمۇن

  • ئىبنى مەيمۇن[يەشمىسى:]Ibn Maymun ، 1135 — 1204) ياۋروپالىقلار مايمۇنىدېس (Maimonides) دەپ ئاتايدۇ. ئەرەب-يەھۇدىي پەيلاسوپى. مېدىتسىنا ئالىمى. كوردوۋا (ئىسپانىيىدە) دا تۇغۇلغان. مۇۋاھىد خانلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، 1165-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە قاھىرەگە قېچىپ بارغان. مىسىر سۇلتانى سالاھىددىننىڭ ئوردا تىۋىپى ۋە قاھىرە يەھۇدىيلار باش ئۇيۇشمىسىنىڭ بىرىنچى باشلىقى بولغان. «ئاداشقانلارنى توغرا يولغا سېلىش» دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇنىڭدا يەھۇدىي دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرى بىلەن ئەرەب پەلسەپىسىدىكى ئارىستوتېلىزم، ئېتىقاد ۋە ئەقىلنى كېلىشتۈرمەكچى بولغان. ئاتوم تەلىماتىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئالەمنىڭ يارىتىلىشى تەلىماتىنى قۇۋۋەتلىمىگەن. ئەسەرلىرى يەھۇدىي پەلسەپىسى ۋە غەربىي ياۋروپا مەدرىس پەلسەپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، تىبابەتچىلىككە دائىر ئەسىرىدىن «تىبابەتچىلىكنىڭ مۇھىم مەزمۇنى» دېگەن ئاساسلىق ئەسىرى بار.

ئىبنى خورتادبى

  • ئىبنى خورتادبى[يەشمىسى:]KhurdādhbihIbn،تەخمىنەن 820—912) ئەرەب جۇغراپىيونى. پېرسىيىلىك، خوراساندا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا باغدادتا تەربىيە ئالغان. ئابباسىيلار خاندانلىقى جىبال ئۆلكىسى (Jibal،ھازىرقى ئىراننىڭ غەربىي شىمالدا) پوچتا ۋە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىى بولغان، كېيىن پايتەخت س-اماررا Samarra، 836 — 892-يىللىرى پايتەخت بولغان) ۋە باغدادنىڭ پوچتا ۋە ئاخبارات باش ئىدارىسىنىڭ بىرىنچى باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ، دائىم خەلىپە ئوردىسىغا كىرىپ-چىقىپ تۇرغان. ئاساسلىق ئەسىرى «يوللار ۋە بەگلىكلەر» (ياكى «يوللار ۋە بەگلىكلەر تەزكىرىسى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ) نى ھۆكۈمەت ئارخىپىنى ئاساس قىلىپ يېزىپ چىققان، ئەسەردە ئابباسىيلار خاندانلىقىنىڭ ئۆلكىلىرىدىكى ئۆتەڭلەر، ئۇلارنىڭ نامى، ئارىلىقى خاتىرىلەنگەن؛ ئەسەر تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە. ئۇنىڭدىكى جۇڭگونىڭ دېڭىز پورتلىرىغا بارىدىغان يوللار ھەققىدىكى خاتىرىلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ قاتناش تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا پايدىسى بار. يەنە مۇزىكا توغرىسىدا بىرمۇنچە مەخسۇس ماقالىلەرنى يازغان.

ئىبنى ھاتەم

  • ئىبنى ھاتەم[يەشمىسى:]HaythamIbn، 965 — 1039) ياۋروپالىقلار ئالھازېن (Alhazen) دەپ ئاتايدۇ. ئەرەب ئاسترونومى، ئوپتىكىشۇناسى، ماتېماتىكى ۋە پەيلاسوپى. بەسرەدە تۇغۇلغان. ئۆز يۇرتىدا ئەمەلدار بولغان، كېيىن مىسىرغا كۆچۈپ بېرىپ، فاتىمە خاندانلىقى خەلىپىسىنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن نىل دەرياسىنى تىزگىنلەپ باققان بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. تىرىشىپ كۆپ تەرەپلىمە ئىلىم-پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنىڭ فىزىكا، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، پەلسەپە ۋە تىبابەتچىلىك توغرىسىدىكى ئەسەرلىرى 100 خىلدىن كەم ئەمەس. «ئوپتىكا» دېگەن ئەسىرى ئەڭ مەشھۇر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ كۆزىتىشى ۋە تەجرىبىسىگە ئاساسەن، تەبىئەت دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن ئوپتىكا ھادىسىلىرىنى شەرھلەپ ئېۋكلىد ۋە پتولېمېي (Ptolemaios) نىڭ كەڭ تارقالغان كۆرۈش سەزگۈسى نەزەرىيىسىگە ئوخشىمايدىغان نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ كىتاب لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ياۋروپا ئوپتىكا ئىلمىدە كلاسسىك ئەسەر بولۇپ قالغان. ئۇ يەنە ئارىستوتېل پەلسەپىسىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن تەتقىق قىلىپ، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش — پەلسەپىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مەقسىتى بولۇشى لازىم، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. 

ئىبنى ئىسھاق

  • ئىبنى ئىسھاق[يەشمىسى:]IshaqMuhmmad ibn، 704 — 768) ئەرەب تارىخشۇناسى. مەدىنىدە تۇغۇلغان. ئىراقلىق. مىلادى 733-يىلى مىسىرغا كۆچۈپ كەلگەن. 749-يىلىدىن باشلاپ ئىراقتا تۇرغان، باغدادتا ئۆلگەن. ئۇ يازغان «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدىكى ئەسەر بولۇپ، ئۇ مەزمۇنى مول، ئاساسلىقى دىنىي رىۋايەت ئاساس قىلىنىپ يېزىلغان، كېيىن مىسىرلىق ئىبنى ھىسام (Ibn Hisham، تەخمىنەن 834-يىلى قاھىرەدە قازا قىلغان) نىڭ تۈزىتىشىدىن ئۆتكەن؛ بۇ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىسلام دىنى تارىخى توغرىسىدا بۈگۈنكى كۈنگىچە يېتىپ كەلگەن قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. 

ئىبنى يۇنۇس

  • ئىبنى يۇنۇس[يەشمىسى:] YunsIbn، 950 — 1008) ئەرەب ئاسترونومى. فاتىمە خاندانلىقىدا رەسەتخانا باشلىقى بولغان. ماياتنىكنى كەشپ قىلىپ، ئۇنىڭ تەۋرىنىشى ئارقىلىق ۋاقىتنى ھېسابلىغان. شۇ چاغدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان ئاسمان جىسىملىرى كالېندارىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، «ھاجىم كالېندارى» نى تۈزۈپ چىققان ۋە بۇ ئۆلچەم قىلىنىپ، 200 نەچچە يىل قوللىنىلغان. مىلادى 977 — 979-يىللىرى قاھىرە رەسەتخانىسىدا كۈن تۇتۇلۇشنى ئىككى قېتىم ئەمەلىي ئۆلچەپ چىققان ھەمدە ئۇنى تۇنجى قېتىم ئىلمىي ھالدا خاتىرىگە ئالغان. 

ئىپتىدائىي توپ

  • ئىپتىدائىي توپ[يەشمىسى:] ماركس، ئېنگېلس ۋە مورگاننىڭ «توپ» (Horde) دېگەن سۆزى «كۆچمەنلەر» ياكى «ئىپتىدائىي كۆچمەنلەر»، «توپ» ياكى«ئىپتىدائىي توپ» دەپ تەرجىمە قىلىنغان.لېنىن 1913-يىلى12-ئايدا گوركىيغا يازغان خېتىدە «ئىپتىدائىي توپ» (Первобытное Стадо) دېگەن سۆزنى تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەن («لېنىن ئەسەرلىرى»، 35-توم، خەلق نەشرىياتى 1959-يىل خەنزۇچە نەشرى، 111-بەت). ئىپتىدائىي توپنىڭ خاراكتېرى ۋە يىل چېكى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ پىكرى بىردەك ئەمەس. بەزىلەر: ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن باشلىنىپ، ماترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىقىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاياغلاشقان، كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدۇ، ئۇ ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولۇپ، مايمۇنسىمان ئادەملەرنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتىغا كىرىدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر: لاما قەدىمكى زامان مايمۇنى ۋەكىللىك قىلغان «ئارىلىقتىكى ئادەم شەكىللەنگەن» ئىپتىدائىي تەشكىلات، تېخى ئىنسانلار جەمئىيىتى كاتېگورىيىسىگە كىرمەيدۇ؛ 14 مىليون يىلدىن ئىلگىرى مايمۇندىن ئادەمگە ئايلىنىشتىن باشلىنىپ، 3 مىليون يىلنىڭ ئالدىدا دەسلەپكى مايمۇنسىمان ئادەمنىڭ ۋە قانداشلىق جەمەتنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، مورگاننىڭ دەۋر ئايرىش ئۇسۇلىدىكى ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا توغرا كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ، كېيىن ئىپتىدائىي توپنىڭ خۇسۇسىيىتى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلانغان: تەبىئىي قوراللارنى ئىشلەتكەن، تەبىئىي يېمەكلىكلەرنى يىغقان ياكى ئوۋلىغان، قورال-سايمان ياساشنى ۋە ئوت ئىشلىتىشنى تېخى بىلمىگەن، توپنىڭ دائىرىسى چەكلىك، تەرەپ-تەرەپكە يۆتكىلىپ تۇرغان؛ قالايمىقان جىنسىي ئالاقە قىلىشقان، نىكاھ، ئائىلە بولمىغان؛ توپ ئىچىدە تېخى ئەمگەك تەقسىماتى بولمىغان، سۆز بوغۇملىرى پەيدا بولغان. 

ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمى

  • ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمى[يەشمىسى:] ئىپتىدائىي جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدىكى كوممۇنا تۈزۈمىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمىدىكى جەمئىيەت يەنى ئىپتىدائىي جەمئىيەت — ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي فورماتسىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈزۈم ئاستىدا، ئىنتايىن تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيىسى ئادەملەرنىڭ جەزمەن ئورتاق ئەمگەك قىلىشىنى ھەمدە تەبىئىي ئىش تەقسىماتى بويىچە ئاددىي ھەمكارلىقنى يولغا قويۇشنى بەلگىلىگەن. ئورتاق ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ تەڭ تەقسىم قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇڭا ئۇنىڭدا خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك، سىنىپ ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە بولمىغان. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك، ئورتاق ئەمگەك ۋە تەڭ تەقسىمات — ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك بولسا ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمىدىكى جەمئىيەت 3 مىليون يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان، ئالدىنقى ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى (قانداش ئائىلە كوممۇنىسى) دەۋرى؛ ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى (ماترىئارخال ئۇرۇقداشلىقى ۋە پاترىئارخال ئۇرۇقداشلىقى) دەۋرىدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن. ئالدىنقى ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى دەسلەپكى دەۋرلەردىكى مايمۇنسىمان ئادەملەر، ئاخىرقى دەۋرلەردىكى مايمۇنسىمان ئادەملەر (ئۆرە ماڭىدىغان ئادەملەر) ۋە دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئەقىللىق ئادەملەر (قەدىمكى ئادەملەر) نىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتى بولۇپ، ئۇ مەۋجۇت بولغان ۋاقىت بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3 مىليون يىلدىن 20 — 50 مىڭ يىلغىچە ئىلگىرى بولغان، ئۇ نادانلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچى، كونا تاش قوراللار مەدەنىيىتىنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا دەۋرلىرىگە توغرا كېلىدۇ. قانداشلىق ئائىلە كوممۇنىسىدا قوۋم ئىچىدە نىكاھلىنىش يولغا قويۇلغان، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى تەبىئىي ھايۋاناتلار — ئۆسۈملۈكلەرنى يىغىش ياكى ئوۋلاش بىلەن چەكلەنگەن، تەبىئىي ئىش تەقسىماتى ئۇسۇلى بويىچە ئورتاق ئەمگەك قىلغان. ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى ئاخىرقى دەۋرلەردىكى ئەقىللىق ئادەملەر (ھازىرقى زامانئادەملىرى) نىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتى بولۇپ، ئۇ مەۋجۇت بولغان ۋاقىت بۇنىڭدىن تەخمىنەن 20 — 50 مىڭ يىل ئىلگىرى ۋاقىتلاردىن مىلادىدىن ئىلگىرى 4000-يىللار ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ يۇقىرى باسقۇچى ۋە پۈتكۈل ياۋايىلىق دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىي قىلىپ يېڭى تاش قوراللار ھەتتا مېتال قوراللار سەۋىيىسىگە يەتكەندە، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىققا ئۆتۈپ، مۇكەممەل ئۇرۇقداش قەبىلە تەشكىلاتى ۋە ئولتۇراقلاشقان كەنتلەر مەيدانغا كەلگەن. نىكاھلىق ئائىلە شەكلى توپ نىكاھلىقتىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ جۈپ نىكاھلىققا شۇنىڭدەك بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمگە ئۆتكەن. ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمى ئاتا جەمەت ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدە پارچىلىنىشقا باشلىغان. مېتال قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۆسۈشى، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى بىلەن تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ تەرەققىي قىلىشى، شۇنىڭدەك خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە سىنىپنىڭ پەيدا بولۇشى ئارقىسىدا، ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمىنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى سىنىپىي جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئالغان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سىنىپىي جەمئىيەتكە كىرىش ۋاقتى ئوخشاش ئەمەس. غەربىي ئاسىيادىكى مېسوپوتامىيە ۋادىسى، شىمالىي ئافرىقىدىكى مىسىر، ئېگېي مەدەنىيىتى رايونى ۋە ھىندىستان، جۇڭگو قاتارلىق جايلار مىلادىدىن 3000 — 4000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا مىس-تاش قوراللار تەڭ ئىشلىتىلىدىغان ياكى برونزا قوراللار دەۋرىدىلا سىنىپىي جەمئىيەتكە كىرگەن. ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قىتئەلىرىدىكى ھەرقايسى جايلار بولسا كېيىنرەك كىرگەن. بەزى جايلاردىكى ئارقىدا قالغان قەبىلىلەردە يېقىنقى زامانلارغىچە ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ساقلانغان.

ئىپسوس جېڭى

  • ئىپسوس جېڭى[يەشمىسى:]ئىمپېراتور) ئالېكساندرنىڭ قول ئاستىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللىرى تەسىر دائىرە تالىشىش يولىدا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭ. مىلادىدىن 301 يىل ئىلگىرى، فراكىيە (Phrygia، كىچىك ئاسىيادا) دىكى ئىپسوس (Ipsos) تا يۈز بەرگەن. سېلېۋكⅠ، پتولېمېي، كاساندىرا، لىسىما قاتارلىقلار بىرلىشىپ ئانتىگونⅠ گە قارشى تۇرغان. ئىككى تەرەپتىن تەخمىنەن 70000 ئەسكىرىي كۈچ جەڭگە كىرگەن، سېلېۋكⅠ كۆپلىگەن ئۇرۇشپىلىنىمۇ ئىشقا سالغان. دەسلەپتە ئانتىگونⅠ نىڭ ئوغلى دېمېترىي ئاتلىق ئەسكەرلىرىگە قوماندانلىق قىلىپ بىر تەرەپتە غەلىبە قىلغان، لېكىن ئۇنىڭ قوشۇنى يەككە-يېگانە ئىچكىرىلەپ كىرگەچكە، ئانتىگون بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. ئانتىگون سېلېۋكنىڭ «چاسا سېپى» ۋە ئۇرۇش پىللىرىنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىپ مەغلۇپ بولۇپ ئۆلگەن، قول ئاستىدىكى قوشۇنلىرىمۇ (دېمېترىي يۇنانغا قېچىپ كەتكەن) تارمار قىلىنغان. ئانتىگونⅠنىڭ كونتروللۇقىدىكى زېمىنلارنىڭ كۆپ قىسمى بۆلۈۋېلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن، يۇنانلاشتۇرۇش دەۋرىدىكى ئۈچ ئاساسلىق دۆلەت، يەنى پتولېمېي پادىشاھلىقى (مىسىر)، سېلېۋك پادىشاھلىقى (كىچىك ئاسىيادا) ۋە ماكىدونىيە پادىشاھلىقى (ئانتىگون خاندانلىقى) دىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى تەدرىجىي شەكىللەنگەن.

ئىپوئۇر نەسىھەتلىرى

  • ئىپوئۇر نەسىھەتلىرى[يەشمىسى:] ئىپوئۇر سۆزلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى مىسىر ۋەسىقىسى. مېمپىس يېنىدىكى ساكارا قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان. ھازىر گوللاندىيىنىڭ لېيدىن مۇزېيىدا ساقلانماقتا. (پاپىروس قەغەز نومۇرى 344). ئەسلى تېكىستنىڭ باش-ئايىغى يىرتىلىپ كەتكەن. ئوتتۇرىسىدىمۇ كەم جايلىرى بار. تەخمىنەن يېڭى سۇلالە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يېزىلغان، لېكىن تەتقىقاتچىلار ئۇنى تېخىمۇ ئىلگىرىكى دەۋرگە مەنسۇپ بولغان نەسرىي ئەسەر دەپ قاراشماقتا. ئاپتور ياكى ئېيتىپ بەرگۈچى ئىپوئۇر (Ipour) ھۆكۈمران سىنىپ ئادىمى بولۇپ، ئۇ نەسىھەت قىلىش تەلەپپۇزى بىلەن، قەدىمكى مىسىر تارىخىدىكى نامراتلار ۋە قۇللارنىڭ بىر قېتىملىق زور قوزغىلىڭىنىڭ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، قوزغىلاڭ يۇقىرى-تۆۋەن مىسىرنى قاپلاپ، «پۈتۈن زېمىن گويا چاق پىرقىرىغاندەك پىرقىراپ كەتكەن.» قوزغىلاڭنىڭ ۋاقتى توغرىسىدىكى قاراش ئوخشاش ئەمەس، ئومۇمەن ئوتتۇرا سۇلالە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى) دە بولغان دەپ ھېسابلانماقتا. بۇ ھۈججەت مۇشۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. 

ئىپسلانتى

  • ئىپسلانتى[يەشمىسى:]Ipsilanti ياكى Ypsilanti) گرىتسىيىنىڭ ئاقسۆڭەك نەسەبلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. مەشھۇرلىرى: (1) ئالېكساندر ئىپسلانتى (Alexander Ipsilanti، 1726 — 1807). ۋالاخىيە ھۆكۈمرانى(1774— 1782، 1796 — 1797) ۋە مولدۇۋا ھۆكۈمرانى (1786 — 1788). ھاكىمىيەت بېشىدىكى مەزگىلىدە، باجنى تەرتىپكە سېلىپ ئىككى كىنەزلىكنىڭ سودا ۋە قول سانائىتىنى راۋاجلاندۇرغان ھەمدە ۋالاخىيىدە قانۇن تۈزۈپ چىققان. (2) كونستانتىن ئىپسلانتى (Konstantin Ipsilanti، 1760—1816). ئالېكساندرنىڭ ئوغلى. 1799—1802،1802— 1806-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن مولدۇۋا ۋە ۋالاخىيىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان. 1806-يىلى روسىيىگە كۆچۈپ كەتكەن. (3) ئالېكساندر ئىپسلانتى (Alexander Ipsilanti، 1792 — 1828). كونستانتىنىڭ ئوغلى. 1817-يىلى روسىيە ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال مايورى بولغان. 1820-يىلى 4-ئايدا گرىتسىيە مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتى — خېتائىرىيە (Hitairia) گە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 1821-يىل 3-ئاينىڭ 6-كۈنى بىر كىچىك قىسىمنى باشلاپ مولدۇۋانىڭ پايتەختى — ياسسىغا بېرىپ، بالقان خەلقىنىڭ تۈركىيىنىڭ زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قوزغىلىڭىنى قوزغىغان؛ كۈرەش داۋامىدا، رۇمىنىيە قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى تۇدور ۋلادىمىرېسكۇ بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، رۇمىنىيە دېھقانلىرىنىڭ ھېسداشلىق قىلىشىدىن مەھرۇم بولغان، شۇ يىلى 6-ئايدا ئۇنىڭ قوشۇنى دراگاسانى (Dragasani) نىڭ يېنىدا تۈركىيە قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلغان، ئۆزى ئاۋسترىيىلىكلەرگە تەسلىم بولغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغان. 1877-يىلى روسىيىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن. (4) دېمېترى ئىپسلانتى (Demeterius Ipsilanti، 1793 — 1832) كونستانتىننىڭ ئوغلى، ئالېكساندرنىڭ ئىنىسى. ئەسلىدە روسىيە ئارمىيىسىدە ئوفىتسېر بولغان. 1821-يىلى6-ئايدا، خېتائىرىيىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى سۈپىتىدە، پېلوپوننېسقا بېرىپ، بۇرژۇئا رادىكاللىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 1821-يىلى 11-ئايدا، مىللىي پارلامېنت تەرىپىدىن قانۇن چىقىرىش ئۆمىكىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ماۋروكورداتو باشچىلىقىدىكى پېلوپوننېس كونسېرۋاتىپ بۇرژۇئازىيىسى ۋە چوڭ يەر ئىگىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، سىياسىي پائالىيەتتىن ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا داۋاملىق قاتناشقان. 1828-يىلى زۇڭتۇڭ كاپودىسترىيە تەرىپىدىن گرىتسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 

ئىتاگاكى تائىسۇكى

  • ئىتاگاكى تائىسۇكى[يەشمىسى:]1837 — 1919) ياپونىيە ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي رەھبىرى. توسا ۋاسساللىقىدىن چىققان زىيالىي. شوگناتنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. ۋۇچېن ئۇرۇشى ۋاقتىدا باش ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. مېيجى يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە ھۆكۈمەتنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولغان. 1873-يىلى «جېڭخەن نەزەرىيىسى» نى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن، سايگو تاكامورى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئىككىنچى يىلى ۋەتەنپەرۋەرلەر پارتىيىسىنى تەشكىللەپ، خەلق سايلىمى پالاتاسى تەسىس قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنى قوزغىغان ھەمدە ئىرادە تىكلەش جەمئىيىتىنى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلەر جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، پارلامېنتقا تەلەپ قويۇش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1881-يىلى 10-ئايدا ئەركىنلىك پارتىيىسىنى قۇرۇپ، لېدىرلىققا سايلانغان. 1882-يىلى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا ئەللىرىنى ساياھەت قىلغان. 1883-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەركىنلىك پارتىيىسىنى تارقىتىۋېتىپ، خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىدىن قول ئۈزگەن. 1896-يىلى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1898-يىلى ئوكۇماشېگىنوبۇ بىلەن ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەن. بۇ «ئىتاگاكى-ئوكۇما ئىچكى كابىنېتى» دەپ ئاتالغان، يەنە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئىجتىمائىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن بىر توملۇق «ئىتاگاكى تائىسۇكى ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان. 

ئىتاگاكى شېئىشىرو

  • ئىتاگاكى شېئىشىرو[يەشمىسى:]1885 — 1948) ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى. ئۇرۇش جىنايەتچىسى. 1916-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. كۆپ قېتىم شتاب باشقارمىسى جۇڭگو بۆلۈمى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ياپونىيە ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1929-يىلى 5-ئايدا كانتون ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى بولغان. «18-سېنتەبر» ۋەقەسىنى قوزغاپ، قورچاق مانجۇرىيە دۆلىتىنى پەيدا قىلغان باش جىنايەتچى. 1936-يىلى كانتون ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1937-يىلى 5-دىۋىزىيە كوماندىرى بولۇپ، شىمالىي جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ، 8-ئارمىيىنىڭ قاقشاتقۇچ زەربىسىگە ئۇچرىغان. 1938-يىلى 6-ئايدىن 1939-يىلى 8-ئايغىچە بولغان كونوئې، خىرانۇما ئىككى نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېتىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1939-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ «جۇڭگوغا ئەۋەتىلگەن ئارمىيە» نىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان.1941-يىلى 7-ئايدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى بولغان، چاۋشيەن ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى قىلىپ يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن. 1945-يىلى4-ئايدا 7-يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى (سىنگاپوردا تۇرۇشلۇق) بولغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن باش ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنىپ، 1948-يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 

ئىتالىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى

  • ئىتالىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ترىپولى ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىتالىيە تۈركىيىنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى يېرى — ترىپولىنى تارتىۋالغان ئۇرۇش. 1911يىلى9-ئايدا ئىتالىيە ماراكەش كرىزىسىدىن پايدىلىنىپ، تۈركىيىنى ئۆزىنىڭ ترىپولىغا كىرىشىگە قوشۇلۇشقا مەجبۇرلىغاندا، مەقسىتىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن قوشۇن ئەۋەتىپ ترىپولى، دېرنا، بەنەنى غازى قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالغان. 11-ئايدا ترىپولىنى يۇتۇۋالغانلىقىنى جاكارلىغان. بالقان ئۇرۇشى پارتلاش ئالدىدا تۇرغانلىقتىن، تۈركىيە 1912-يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى «لوسان شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، ترىپولى ۋە كىرېنائىكاغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن ئىككى جاي قوشۇلۇپ، لىۋىيە دەپ ئاتالغان.

ئىتالىيە گۈللىنىش ھەرىكىتى ⅩⅨ

  • ئىتالىيە گۈللىنىش ھەرىكىتى ⅩⅨ[يەشمىسى:] ئەسىردە ئىتالىيە خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىك ۋە بىرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابىي ھەرىكىتى. كافۇرىنىڭ «گۈللىنىش گېزىتى» نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. بۇ ھەرىكەت ئومۇمەن ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى باسقۇچ، ناپولېئون Ⅰ نىڭ ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى كاربۇنارلار پارتىيىسىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدىن باشلانغان. 1820-يىلى 1-ئايدا نېئاپولدا ئىنقىلاب پارتلاپ، ئىككىنچى يىلى 3-ئايدا پىئومونتېدىمۇ ئىنقىلاب پارتلىغان. لېكىن ئاممىۋى ئاساس بولمىغاچقا، مەغلۇپ بولغان. 1831-يىلى ماززىنىنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان ياش ئىتالىيە پارتىيىسى جۇمھۇرىيەتچىلىك ئىدىيىسىنى يەنىمۇ تارقىتىپ، ئىنقىلابىي ھەرىكەتنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن شەرت-شارائىت ياراتقان. ئىككىنچى باسقۇچ، 1848 — 1849-يىللاردىكى ئىتالىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلى بولۇپ،ئۇنىڭغاپادىشاھلىق— ئاساسىي قانۇنچىلار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ فېئوداللىق بۆلگۈنچىلىككە ۋە ئاۋسترىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي كۈرىشى ئارىلىشىپ كەلگەن. 1848-يىلى 1-ئايدا سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ مەركىزى پالېرمو خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئىنقىلابنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىۋەتكەن. شۇ يىلى 11-ئايدا رىمدا خەلق قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلۈپ، دەھرىي ھاكىمىيەت قۇرۇلغان. ئىككىنچى يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. 7-ئاينىڭ 3-كۈنى فرانسىيە، ئاۋسترىيە، ئىسپانىيە ۋە ئىككى سىتسىلىيە پادىشاھلىقىدىن تەركىب تاپقان ئەكسىيەتچىل بىرلەشمە قوشۇن رىم جۇمھۇرىيىتىنى ئاغدۇرغان. ئۈچىنچى باسقۇچى، ساردىنىيە پادىشاھلىقى پەيدىنپەي ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ يادرو كۈچى بولۇپ قالغان مەزگىل. 1859-يىلى ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش پارتلاپ، يېڭى ئىنقىلاب دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. ساردىنىيىنىڭ باش ۋەزىرى كافۇرگارىبالدى رەھبەرلىك قىلغان ئىنقىلابىي ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىدىن، سىتسىلىيە ۋە نېئاپولنىڭ ئازاد بولغانلىقىدىن، پارما، رومەننا قاتارلىق جايلاردىكى خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، 1861-يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقىنى رەسمىي قۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىن 1866-يىلى ۋېنېتسىيە رايونىنى قايتۇرۇۋالغان. 1870-يىلى رىمنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، ئىتالىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

ئىتالىيە مىللىي ئۇيۇشمىسى

  • ئىتالىيە مىللىي ئۇيۇشمىسى[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئىتالىيىنىڭ سىياسىي تەشكىلاتى. بۇ تەشكىلاتنى مانىن، لافارىنا ۋە پاللاۋىكىنوترىۋولزىئو قاتارلىق كىشىلەر 1857-يىلى قۇرغان. مانىن تۇنجى رەئىس بولغان. جەمئىيەتنىڭ مەقسىتى — ساردىنىيە كورۇلى رەھبەرلىك قىلغان بىرلىككە كەلگەن ئىتالىيە دۆلىتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت. مۇتەئەسسىپ لىبېراللار ئۆز كونتروللۇقىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىنقىلابىي دېموكراتچىلارنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرغان. بىرقىسىم جۇمھۇرىيەتچىلەر ماززىنىچىلارنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن نارازى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ جەمئىيەتكە قاتناشقان. 1860-يىلى جەمئىيەتنىڭ رەھبىرى لافارىنا، پاللاۋىكىنوترىۋولىزىئو قاتارلىق كىشىلەر گارىبالدىنىڭ جەنۇبىي ئىتالىيىدە دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇشىدىن ساقلىنىش ۋە جەنۇبىي ئىتالىيىنىڭ ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كافورىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن سىتسىلىيە ئارىلىغا بارغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، ئىتالىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيۇشما تارقىتىۋېتىلگەن. 

ئىتالىيە ئۇرۇشى

  • ئىتالىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:]1494-1559-يىللىرى فرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىتالىيىنى تالىشىش ئۇرۇشى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇنىڭغا غەربىي ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىتالىيىنىڭ سىياسىتىگە قارىتا مۇداخىلىسى ۋە ئىتالىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كىچىك بەگلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار ئارىلاشقان. ئاساسىي ئۇرۇش مەيدانى ئىتالىيە بولغان. 1494-يىلى فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅷ قوشۇن تارتىپ ئالپ تاغلىرىدىن ئېشىپ، جەنۇبىي ئىتالىيىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى يىلى 2-ئايدا نېئاپولنى ئىشغال قىلىۋالغان. ۋېنېتسىيە، مىلان، ئىسپانىيە، پاپا ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزۈپ، فرانسىيىنى شۇ يىلىلا ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان.1499-يىلى فرانسىيە كورۇلى لۇئىⅫ (LouisⅫ، 1498 — 1515-يىللىرى تەختتە) ئەسكەر چىقىرىپ مىلاننى ئىشغال قىلىۋالغان. 1501-يىلى يەنە نېئاپولنى ئىشغال قىلىۋالغان. بىراق 1504-يىلى ئىسپانىيە ئۇنى قايتۇرۇۋالغان. 1509-يىلى لۇئى Ⅻ ۋېنېتسىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، پۈتكۈل شىمالىي ئىتالىيىنى بېسىۋالغان. 1511-يىلى پاپا، ئىسپانىيە، ۋېنېتسىيە، شۋېتسارىيە، ئەنگلىيە ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى فرانسىيىگە قارشى يېڭى ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىككىنچى يىلى فرانسىيە قوشۇنىنى ئىتالىيىدىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقارغان. 1515-يىلى فرانسىيە كورۇلى فرانسىس Ⅰ مارىگنانو ئۇرۇشىدا مىلاندىكى شۋېتسارىيە ياللانما قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، مىلاننى ئىشغال قىلىۋالغان ۋە شىمالىي ئىتالىيىنى ۋاقتىنچە تىزگىنلىگەن. ئىسپانىيە كورۇلى كارلوسⅠ (1519-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى بولۇپ سايلانغاندا Ⅴ دەپ ئاتالغان) ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، 1525-يىلىدىكى پاۋىيا جېڭىدە فرانسىس Ⅰ نى مەغلۇپ قىلغان ۋە ئۇنى ئەسىر ئالغان. 1926-يىلى ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، فرانسىيە ئىتالىيىنىڭ زېمىنىغا بولغان تەلىپىدىن ۋاز كەچكەن. لېكىن فرانسىسⅠ قويۇپ بېرىلىپ ئۆز ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، كېلىشىمنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 1527 — 1529-، 1536 — 1538-ۋە 1542 — 1544-يىللىرى فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە توختىماي ئۇرۇش قىلىشقان. 1559-يىلى تۈزۈلگەن «كاتوكەنبورىز سۈلھ شەرتنامىسى» غا ئاساسەن، فرانسىيە ئىتالىيىدە بېسىۋالغان كۆپ قىسىم زېمىنىدىن ۋاز كەچكەن، ئىسپانىيە بولسا ئىتالىيە زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى بېسىۋالغان. ئۇرۇش ئىتالىيە خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى غايەت زور چىقىمغا ئۇچراتقان.

ئىتالىيىدىكى 1848 — 1849-يىللاردىكى ئىنقىلاب

  • ئىتالىيىدىكى 1848 — 1849-يىللاردىكى ئىنقىلاب[يەشمىسى:] يەنى ئىتالىيە گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى.

ئىتالىيىدىكى 1859 — 1860-يىللاردىكى ئىنقىلاب

  • ئىتالىيىدىكى 1859 — 1860-يىللاردىكى ئىنقىلاب[يەشمىسى:] يەنى ئىتالىيە گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى.

ئىتالىيىگە قارام سومالى

  • ئىتالىيىگە قارام سومالى[يەشمىسى:] سومالىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ ئىتالىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغانچاغدىكىئاتىلىشى.1885-يىلى ئىتالىيە مۇستەملىكىچىلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە باشلىغان، 1889-يىلى شۇ يەرنىڭ سۇلتانى بىلەن «ھامىيلىق شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. 1925-يىلى پۈتۈن سومالىنى بېسىۋالغان. 1941-يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان. 1949-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سومالىنى ئىتالىيىنىڭ ۋاسساللىقىغا تاپشۇرۇشنى قارار قىلغان. 1960-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. سومالىنىڭ شىمالىي قىسمى (ئەسلى ئەنگلىيىگە قاراشلىق سومالى) بىلەن بىرلىشىپ، سومالى جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 

ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى

  • ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى[يەشمىسى:] قىسقىچە ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر دەپ ئاتىلىدۇ. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا تىتو، نىھرۇ، سوكارنۇ، جامال ئابدۇل ناسىر قاتارلىقلار ئىتتىپاق تۈزمەسلىك سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن مىسىر، يۇگوسلاۋىيە، ھىندىستان، ھىندۇنېزىيە، ئافغانىستاندىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن،1961-يىلى 6-ئايدا قاھىرەدە ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش يىغىنى ئېچىلغان. يىغىندا يىغىنغا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ شەرتلىرى: تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش ۋە ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئاساسىدىكى مۇستەقىل سىياسەتنى يولغا قويغان بولۇش؛ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بەرگەن بولۇش؛ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي گۇرۇھلىرىغا قاتناشمىغان بولۇش؛ قوش تەرەپلىك ھەربىي ئىتتىپاق تۈزمىگەن بولۇش؛ چەت ئەللەرنى ھەربىي بازا بىلەن تەمىنلىمىگەن بولۇش دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 1-، 6-كۈنلىرى، بىرىنچى قېتىملىق يىغىن بىلگىرادتا ئېچىلىپ، 25 دۆلەت قاتناشقان. يىغىن خىتابتامە ماقۇللاپ «مۇستەملىكىچىلىكنى دەرھال، شەرتسىز، ئۈزۈل-كېسىل ۋە ناھايەت بىكار قىلىش» نى تەلەپ قىلغان. 5-نۆۋەتلىك يىغىن 1976-يىل 8-ئاينىڭ 16 — 19-كۈنلىرى كولۇمبۇدا ئۆتكۈزۈلۈپ، سىياسىي مۇستەقىللىك بىلەن ئىقتىسادىي مۇستەقىللىكنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. 6-نۆۋەتلىك يىغىن 1979-يىل 9-ئاينىڭ 3 — 7-كۈنلىرى ھاۋانادا ئېچىلغان. تىتو يىغىنغا قاتناشقان ھەمدە يىغىندا ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلەپ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭ رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەسلىدىكى پرىنسىپلىرىنى شەرھلىگەن. كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا ماقۇللانغان يىغىننىڭ «سىياسىي خىتابنامە» سىدە، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇلۇپ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ نىشانىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان سۇيىقەستلىك ھەرىكەتلەر تارمار قىلىنغان. 7-نۆۋەتلىك يىغىن 1983-يىل 3-ئاينىڭ 7 — 12-كۈنلىرى يېڭى دېھلىدا چاقىرىلىپ، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىگە ئەزا 100 دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشقان. يىغىندا دۇنيادىكى زور سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ھەم ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىپىلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ، بىر قاتار خىتابنامىلەر ماقۇللانغان، ۋەھاكازا. 

ئىتتىپاق تۈزۈش بايرىمى

  • ئىتتىپاق تۈزۈش بايرىمى[يەشمىسى:] فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدە خەلق ئاممىسى باستېلىيە تۈرمىسىنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلەش ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزگەن ئىتتىپاق تۈزۈش چوڭ يىغىنى. 1789-يىل7-ئاينىڭ 14-كۈنى پارىژ خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ باستېلىيە تۈرمىسىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، كەڭ خەلق دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك تەلەپ قىلغان، ھەرقايسى بەگلىكلەردىكى مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسى دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش يۈزىسىدىن ئىتتىپاق تۈزۈش پائالىيىتىنى كەينى-كەينىدىن قانات يايدۇرغان. 1790-يىل7-ئاينىڭ14-كۈنى، ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنت پارىژدىكى مارسېل مەيدانىدا باستېلىيە تۈرمىسى ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن مەملىكەت بويىچە ئىتتىپاق تۈزۈش چوڭ يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار «مەڭگۈ خەلققە سادىق بولىمىز، قانۇنغا سادىق بولىمىز، كورۇلغا سادىق بولىمىز» دەپ پۇقرالار قەسىمى ئۆتكۈزگەن. لۇئى ⅩⅥ مۇ ئاساسىي قانۇننى قوغداشقا قەسەم بەرگەن. ئىتتىپاق تۈزۈش بايرىمى فرانسىيە خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان. 

ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر

  • ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر[يەشمىسى:]1) بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە ۋە ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى يادرو قىلىنغان، ئانتانتا دۆلەتلەرگە قارىمۇقارشى بولغان يەنە بىر جاھانگىرلىك گۇرۇھى. گېرمانىيە-ئاۋسترىيە ئىتتىپاقى 1879-يىلدىلا شەكىللەنگەن بولۇپ، فرانسىيە بىلەن تۇنىسنى جىددىي تالىشىۋاتقان ئىتالىيىمۇ1882-يىلى قاتنىشىپ، ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقى شەكىللەنگەن. بۇنىڭ تىغ ئۇچى فرانسىيىگە قارىتىلغان، ئىتالىيە دەسلىپىدىلا ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن. 1887-، 1891-، 1902-ۋە 1912-يىللىرى ئۈچ دۆلەت 1882-يىلدىكى ئىتتىپاقداشلار شەرتنامىسىنى كۆپ قېتىم قايتا تۈزۈشكەن؛ بۇ ئارىلىقتا ئىتالىيە بارا-بارا فرانسىيە بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، بىتەرەپلىكنى جاكارلىغان ھەمدە 1915-يىلى ئانتانتا دۆلەتلىرىگە قاتناشقان. تۈركىيە، بۇلغارىيە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 1914-يىلى 10-ئاي ۋە 1915-يىلى 10-ئايدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قاتناشقان. 1918-يىلى كۈزدە، بۇلغارىيە، تۈركىيە ۋەئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىققان. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، گېرمانىيە سۈلھ تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، «كومپېن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» ئىمزالىنىپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئۈزۈل-كېسىل پارچىلىنىپ كەتكەن. (2) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيىدىن ئىبارەت ئوق مەركىزىي دۆلەتلەرگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەر، ئالايلۇق، جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر.

ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسى ئالىي باش قوماندانلىق شتابى

  • ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسى ئالىي باش قوماندانلىق شتابى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئىشغالىيەتچى قوشۇنىنىڭ ئالىي قوماندانلىق ئورگىنى، قىسقارتىپ ئىشغالىيەتچى قوشۇن باش شتابى (General Head quarters، قىسقارتىپ GHQ) دەپ ئاتالغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 1945-يىل 8-ئاينىڭ 13-كۈنى بۇ قۇماندانلىق شتابىنى قۇرۇشنى قارار قىلغان ۋە ئەتىسى ماكارتۇرنى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىگەن. سىلىڭبۇ دەسلەپتە يوكوخامادا قۇرۇلۇپ، كېيىن توكيوغا يۆتكەلگەن. ياپونىيىنى ئىشغال قىلىشقا ئالاقىدار بارلىق سىياسەتلەر مۇشۇ ئورگاندىن چىقىرىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئارقىلىق ئىجرا قىلىنغان. باش شتابتا كادىرلار، ئاخبارات، ئۇرۇش قىلىش، ئارقا سەپ قاتارلىق شتابلار ۋە خەلق ئىشلىرى، خەلق ئىچىدىكى ئاخبارات، ئىقتىسادىي پەن، تەبىئىي بايلىق قاتارلىق ئىدارىلەر تەسىس قىلىنغان، يەنە يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوت ۋە خەلقئارا تەپتىش ئىدارىسى قۇرۇلغان. 1952-يىل 4-ئاينىڭ 28-كۈنى «سان-فرانسىسكو ياپونىيە سۈلھ شەرتنامىسى» كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان؛ بىر قىسىم ئىشلىرى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشى

  • ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشى[يەشمىسى:] مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردە ئىتالىيە «ئىتتىپاقداش» لىرىنىڭ رىم ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى ئۇرۇشى. رىم ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «بۆلۈپ ئىدارە قىلىش» نى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئىتاليانلار «ئىتتىپاقداش» دەپ ئاتالغان. ئۇلار رىم پۇقراسى ھوقۇقىغا ئىگە بولمىغان، شۇڭا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇق-مەنپەئەتلەردە رىملىقلار بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە بەھرىمەن بولالماي، ھەرخىل مەجبۇرىيەتلەر (ئەسكەر بولۇش، ئولپان تاپشۇرۇش قاتارلىقلار) نى ئۈستىگە ئالغان. ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشى ئىتاليانلارنىڭ رىمنىڭ زوراۋانلىق ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى رىم پۇقرالىقى ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. مىلادىدىن 91 يىل ئىلگىرى، رىم ترىبۇنى لىۋىئۇس درۇسۇس «ئىتتىپاقداش» لارغا پۇقرالىق ھوقۇقى بېرىشنى تەكلىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن، بۇنىڭ بىلەن ئىتاليانلارنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭى پارتلىغان. ئىتاليانلار كەڭ كۆلەمدە بىرلىشىپ، ئالدى بىلەن ئاسكۇل شەھىرىدە قوزغىلىپ، ئارقىدىنلا ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئىتالىيىنى ئىگىلىگەن ھەمدە كورفىنىئۇم(Corfinium، ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا) نى مەركەز قىلىپ، ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇپ، بۇنىڭغا«ئىتالىيە» (ئېيتىشلارغا قارىغاندا «توپاقلار دۆلىتى» دېگەن مەنىدە ئىمىش) دەپ نام بەرگەن؛ سېنات، كونسۇل قاتارلىقلارنى تەسىس قىلغان ھەمدە پۇل قۇيۇپ چىققان. مارسىيلىق گېتۇ پومپېدىئۇ ۋە سامنىيلىق گىيو بابېئۇ ئاساسلىق رەھبەرلەردىن بولغان. رىم سېناتى ئالاقزادە بولۇپ، مىلادىدىن 90 يىل ئىلگىرى ئىككى نەپەر كونسۇل ۋە بىر تۈركۈم سەركەردىلەر (مارى ۋە سۇللا) نى ئەۋەتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن باستۇرغان. جەڭ بەكمۇ شىددەتلىك بولغان، رىملىقلار زور بەدەل تۆلىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارچىلاش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، رىمغا سادىق بولغان ۋە بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە قورال تاشلىغانلارغا رىم پۇقرالىقى ھوقۇقى بېرىشكە ماقۇل بولغان. بۇنىڭ بىلەن «ئىتتىپاقداش» پارچىلىنىپ كەتكەن، مارسىيلىقلار بىلەن سامنىيلىقلار ئەڭ ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىپ، مىلادىدىن 88 يىل ئىلگىرى مەغلۇپ بولغان. لېكىن ئاخىرى، كۆپلىگەن «ئىتتىپاقداش» لار ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە رىم پۇقرالىقى ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.

ئىتتىپاق نىزامى

  • ئىتتىپاق نىزامى[يەشمىسى:]شۋېتسىيە-نۇرۋېگىيە ئىتتىپاقى مەزگىلىدە، شۋېتسىيە بىلەن نۇرۋېگىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كونكرېت بەلگىلەنگەن قانۇن خاراكتېرلىك ھۈججەت. شۋېتسىيە پارلامېنتى بىلەن نۇرۋېگىيە پارلامېنتىدا بىرلا ۋاقىتتا ماقۇللىنىپ، 1815-يىل 8-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. بۇ نىزامدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق دىپلوماتىيە ئورگىنىنى تەسىس قىلىدىغانلىقى، ئەمما ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى، قانۇنلىرى، مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە ئەدلىيە سىستېمىسىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى؛ نۇرۋېگىيە ئارمىيىسىگە پادىشاھنىڭ قوماندانلىق قىلىدىغانلىقى، ئەمما چەت ئەللەرگە بېرىپ ئۇرۇش قىلىشتا نۇرۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ تەستىقىنى ئالىدىغانلىقى؛ نۇرۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ مالىيەسىنى باشقۇرۇشقا ۋە كورۇل تەرىپىدىن خىزمەتكە تەيىنلىنىدىغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى كۆرسىتىشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەن. بۇ نىزام 1905-يىلى نۇرۋېگىيە شۋېتسىيىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 

ئىتوجىنساي

  • ئىتوجىنساي[يەشمىسى:]1627 — 1705) ياپونىيە ئېدونىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى مائارىپشۇناس، كىيوتودا تۇغۇلغان. ئىسمى كورىي ئېدا. تەخەللۇسى جىنساي بولۇپ، «قەدىمشۇناس ئەپەندىم» دەپ ئاتالغان. 1662-يىلى (كامبوننىڭ ئىككىنچى يىلى) كىيوتودىكى خورىكاۋا دەرياسىنىڭ بويىدا مەكتەپ ئېچىپ، دەرس سۆزلەپ، جۈزئى تەلىماتىغا قارىتا شۈبھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۇڭزى، مىڭزى تەلىماتلىرىنىڭ ئەسلى مەنىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. ئالەمنىڭ تۈپ زاتى — بۇغ، ئاسمان-زېمىن زور «تىرىك ماددا» دەپ قارىغان. ئىدىيىسىدە ساددا ماتېرىيالىزملىق ئامىللار بولغان. 40 يىلدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، شاگىرتى 3000 گە يېتىپ، «قەدىمشۇناسلار» دەپ ئاتالغان. «<مۇھاكىمە ۋە بايان> نىڭ قەدىمكى مەنىسى»، «مىڭزى تەلىماتىنىڭ قەدىمكى مەنىسى»، «مۇرەسسە-مادارانى جارى قىلدۇرۇش» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۆلگەندىن كېيىن چوڭ ئوغلى توكىشى (1670 — 1738) ئۇنىڭ تەلىماتىغا ۋارىسلىق قىلىپ، «تۈزۈملەر ھەققىدە»، «جىلددىن خاتىرىلەر» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

ئىتوخىروبۇمى

  • ئىتوخىروبۇمى[يەشمىسى:]1841— 1909) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1885 — 1888، 1892 — 1896، 1898، 1900 — 1901). ئەسلى ئىسمى شۇنسۇكىي. يوشىدا شوئىننى ئۇستاز تۇتۇپ، كىدو تاكايوشىغا ئەگىشىپ تىننۇنى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش ۋە شوگناتنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. مېيجى يېڭىلىقى مەزگىلىدە، 1868-يىلى 1-ئايدا ھۆكۈمەتنىڭ چەت ئەل ئىشلىرى جۇجۇقىغا ھەكەم بولغان، 6-ئايدا ھىيوگو ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى بولغان. 1869-يىلى ئوكاراشوغا يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن، 1870-يىلى ئامېرىكىغا تەكشۈرۈشكە بېرىپ، ئىككىنچى يىلى ئوكاراشوغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە سانائەت ئىشخانىسىغا يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن، 12-ئايدا ئىۋاكۇرا تومومى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ چەت ئەلگە زىيارەتكە چىققان. 1873-يىلى 10-ئايدا سايگو تاكامورى قاتارلىقلار چاۋشيەنگە يۈرۈش قىلىش تەشەببۇسى رەت قىلىنغانلىقتىن ھۆكۈمەتتىن چېكىنىپ چىققان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋە قوشۇمچە سانائەت ۋازارىتىنىڭ ۋازىرى بولۇپ كۆتۈرۈلگەن.1877-يىلى كىدۇ تاكايوشى قازا قىلىپ، 1878-يىلى ئوكوبو توشىمىچى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنى تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ قالغان، 1881-يىلى ئوكاما شىگېنوبۇ ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئەربابىغا ئايلانغان. 1882-يىلى ياۋروپاغا بېرىپ ئاساسىي قانۇننى تەكشۈرۈپ، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشكە كىرىشكەن. 1885-يىلى12-ئايدا بىرىنچى نۆۋەتلىك كابىنېتنىڭ لېدىرى بولغان. 1888-يىلى 4-ئايدا تىننۇنىڭ مەسلىھەت ئورگىنى زوراغالىق مەھكىمىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن كۆپ قېتىم مەھكىمە باشلىقى بولغان (1883-يىلى 4-ئايدىن1889-يىلى 10-ئايغىچە، 1891-يىلى 6-ئايدىن 1892-يىلى 8-ئايغىچە، 1903-يىلى7-ئايدىن 1905-يىلى 12-ئايغىچە، 1905يىلى6-ئايدىن كېيىن). 1890-يىلى ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، ئىمپېرىيە پارلامېنتى قۇرۇلۇپ، 10-ئايدا ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ تۇنجى پالاتا باشلىقى بولغان(1891يىلى 7-ئايغىچە). 1892-يىلى 8-ئايدا ئىككىنچى نۆۋەتلىك كابىنېت تەشكىللىگەن. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىنى قوزغىغان ھەمدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى «باكان شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. 1898-يىلى 1-ئايدا ئۈچىنچى نۆۋەتلىك كابىنېت تەشكىللىگەن، ئاساسىي قانۇنلۇق پارتىيە قارشى تۇرغانلىقتىن پارچىلىنىپ كەتكەن. 1900-يىلى 9-ئايدا ئاساسىي قانۇنلۇق مەسلەكداشلار جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ لېدىرى بولغان. شۇ يىلى 10-ئايدا تۆتىنچى نۆۋەتلىك كابىنېت تەشكىل قىلغان. 1905-يىلى 12-ئايدىن 1909-يىلى 6-ئايغىچە چاۋشيەندە باش تەپتىش بولۇپ، چاۋشيەننىڭ مۇستەملىكىلىشىشىنى كۈچەيتكەن. 1909-يىلى 10-ئايدا روسىيە بىلەن چاۋشيەندىن جۇڭگونىڭ خاربىن شەھىرىگىچە بولغان زېمىنىنى يۇتۇۋېلىشنى مەسلىھەتلەشكەن. 26-ئۆكتەبردە چاۋشيەنلىك ۋەتەنپەرۋەر ئەن جۇڭگېن تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 

ئىتوربىد

  • ئىتوربىد[يەشمىسى:]Agustin de Iturbide ، 1783 — 1824) مېكسىكا ئوفىتسېرى. ئەسلىدە مۇستەملىكىچى ئارمىيىدە كولۇنېل بولغان. ئىسپانىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى (1820 — 1823) پارتلىغاندىن كېيىن، مېكسىكا پومېشچىكلىرى، راھىب ۋە مىلىتارىستلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىپ، مىتروپولىيىدىن ئايرىلىش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1821-يىلى 2-ئايدا ئىگوئارا پىلانىنى جاكارلاپ مۇستەقىللىك، مىللىي باراۋەرلىك، چېركاۋلارنى قوغداشتىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىلىق پروگراممىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە شۇ يىلى 9-ئايدا مېكسىكا شەھىرىنى ئىگىلەپ، مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان، ئىككىنچى يىلى 5-ئايدا يەنە سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، ئۆزىنى كورۇل ئاۋگۇستⅠ دەپ ئاتاپ ئىتوربىد ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. 1823-يىلى 3-ئايدا ئىمپېرىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، چەت ئەلگەقېچىپكەتكەن.1824-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندە ئۆلتۈرۈلگەن.

ئىجارە قانۇنى

  • ئىجارە قانۇنى[يەشمىسى:] 1941-يىل 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتى ماقۇللىغان قانۇن. قانۇندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭىغا، قانداقلا دۆلەت بولسۇن، ئۇنىڭ مۇداپىئەسى ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارىلىدىغانلا بولسا، ئۇنىڭغا ھەرقانداق نەرسىنى ئىجارىگە بېرىش ياكى تەمىنلەش ھوقۇقى بېرىلگەن. شۇنىڭغا ئاساسەن، ئامېرىكا چەت ئەللەرگە 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى نەرسىنى ئىجارىگە بەرگەن. ئۇنىڭ ئىچىدە 60 پىرسەنتىنى ئەنگلىيىگە، 32 پىرسەنتىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بەرگەن.1945-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندا تەمىنلەشنى توختاتقان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىلگىرى ئىجارىگە بېرىلگەن نەرسىلەرنى باھاغا سۇندۇرۇپ قانداق قايتۇرۇش توغرىسىدا ئامېرىكا بىلەن ئىجارىگە ئالغۇچى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۇزاق تالاش-تارتىش بولغان. 

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نىزامى

  • ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نىزامى[يەشمىسى:] ئامېرىكىنىڭ «يېڭى سىياسەت» دەۋرىدە تۈزۈپ چىققان ئىجتىمائىي قانۇنى. 1935-يىلى 8-ئايدا ئېلان قىلىنغان. ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى تەسىس قىلغان. بۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: ئا ق ش دىكى شتاتلاردا ئىشسىزلارغا قوشۇمچە ياردەم بېرىش بىرلەشمە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، ھەرقايسى شتاتلاردىكى ئىشسىزلار سۇغۇرتا قانۇنىنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ سەككىز كىشىدىن ئارتۇق ئىشچى ياللىغۇچى خوجايىنلار (يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرىنىڭ خوجايىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن قوشما شتات بېجى ئېلىپ، بۇنىڭ %90 تىنى قەرز سۈپىتىدە شتاتلارنى سۇغۇرتا ئورگانلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىش؛ ئەگەر ياشانغانلار ۋە مېيىپلار سۇغۇرتىسى تەسىس قىلىنغان بولسا، خوجايىن بىلەن ياللانما خادىملاردىن ئوخشاش باج ئېلىش. باج مىقدارىنى 1937-يىلىدىكى %1 تىن پەيدىنپەي كۆپەيتىپ، 1949-يىلى %3 كە يەتكۈزۈش؛ قوشما شتات ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئاساسەن تەسىس قىلغان دۆلەت مەبلىغىدىن پۇل چىقىرىپ، يېشى 65 ياشتىن ئاشقان پېنسىيىگە چىققانلارغا ئايدا 10 — 85 دوللار قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىش؛ شتاتلاردىكى ياشانغانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، كىشى بېشىغا ئايدا 15 دوللار بېرىش؛ ھەرقايسى شتاتلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ياردەم پۇل سانىنى ئۆزلىرى بەلگىلەپ چىقىش؛ شتاتلاردىكى نامرات، ئەما، ماكانسىز ۋە مېيىپ قاتارلىق بالىلار ئۈچۈن قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىپ، ھەرقايسى شتاتلاردا ئومۇمنىڭ ساغلاملىق، كەسپىي ساغلاملىق،ئانا-بالىلارنى كۈتۈۋېلىشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئىشلىرىنى قۇرۇشقا ياردەملىشىشتىن ئىبارەت. بۇ نىزامغا كېيىن كۆپ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن.

ئىجتىمائىي كۇلۇب

  • ئىجتىمائىي كۇلۇب[يەشمىسى:] جەمئىيەت گۇرۇپپىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى رادىكال سىياسىي تەشكىلات. 1790-يىلى 1-ئايدا موناستىرنىڭ مۇدىرى كلۇدېفوش (Claude Fauchet،1744— 1793) ۋە يازغۇچى، مۇخبىر نىكولادې بوننېۋىل (Nicolos de Bonneville، 1760 — 1828) تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. دەسلەپتە ئاز سانلىق دېموكراتىك ئىدىيىگە ئىگە زىيالىيلارنىڭ بىرلەشمىسى بولغان. كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئاممىۋى خاراكتېرلىك تەشكىلاتقا ئايلانغان ھەمدە 10-ئايدا نامىنى «ئادالەتپەرۋەرلەر دۇنيا ئىتتىپاقى» غا ئۆزگەرتگەن. كۆپىنچە زور تىپتىكى يىغىلىشلار قىلىپ تۇرغان ھەمدە «تۆمۈر تۇمشۇق گېزىتى» ناملىق گېزىت چىقىرىپ، باراۋەرلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان. جۇمھۇرىيەتچىلىك ھەرىكىتىگە پائال قاتناشقان. بۇ تەشكىلاتنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ بولغاچقا 1791-يىلى تارقىتىۋېتىلگەن. 

ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى

  • ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى[يەشمىسى:] جەمئىيەت دائىرىسىدىكى ھەرقايسى ئەمگەك تۈرلىرى ۋە تارماقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىش تەقسىمات، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرى ۋە سىنىپىي جەمئىيەت بارلىققا كەلگەن دەۋردە، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە ئايرىۋاشلاش، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە سىنىپىي جەمئىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىسمانىي ئەمگەك ئىش تەقسىماتى، شەھەر بىلەن يېزا ئىش تەقسىماتى قاتارلىقلار بارلىققا كەلگەن. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى، شۇنىڭدەك ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز بۆلۈنۈشى تۈپەيلىدىن، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىش، ئىنچىكىلىشىشكە باشلىغان. كاپىتالىزم جەمئىيىتىگە كەلگەندە، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشىنىڭ بارغانسېرى راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مەخسۇسلىشىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن كۆلەم ۋە سەۋىيىگە يەتكەن. ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىنىڭ خاراكتېرى بىلەن رولى ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىدىن ئوخشاش بولمىغان. ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار جەمئىيىتىدە، ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ ئانتاگونىيىلىك خاراكتېرى ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىسمانىي ئەمگەك ئىش تەقسىماتى، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىش تەقسىماتى، شەھەر بىلەن يېزا ئىش تەقسىماتى قاتارلىقلارنى سىنىپىي ئانتاگونىيىلىك خاراكتېرگە ئىگە قىلغان. بۇ چاغدا، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى ھەم ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش ھەمدە ئىلىم-پەن مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان، ھەم كۆپىنچە تەبىقە، سىنىپلارغا بۆلۈنۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن كەسىپ (ياكى ئىجتىمائىي ئورنى) نىڭ مەلۇم مىراسخورلۇق، مۇقىملىشىشنى پەيدا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق راۋاجلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار يوقىتىلىپ، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈسى.

ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى

  • ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى[يەشمىسى:] يەنى «ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى».

ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى

  • ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى[يەشمىسى:] يەنى «ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى». 

ئىچكوۋ سۈلھ شەرتنامىسى

  • ئىچكوۋ سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] 1804 — 1813-يىللىرى بىرىنچى قېتىملىق سېربىيە قوزغىلىڭىدا، قوزغىلاڭچىلار بىلەن تۈركىيە سۇلتانى سەلىم شاھⅢ 1806-يىلى 12-ئايدا تۈزگەن سۈلھ شەرتنامە. قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغۇچىلارنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى پېترا ئىچكوۋ سۆھبەتكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. شۇ چاغدا تۈركىيە ناپولېئون فرانسىيىسىنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە روسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاكتىپ تەييارلىنىۋاتقانىدى؛ مەملىكەت ئىچىدىكى يەرلىك فېئوداللار بۆلگۈنچىلىك قىلىپ، سۇلتاننى قوزغىلاڭچىلارنىڭ سېربىيىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئىگىلىۋالغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانىدى. 1807-يىلى 1-ئايدا سۈلھ شەرتنامە رەسمىي تەستىقلانغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، سۇلتان سېربىيە خەلقىدىن ئېلىنىدىغان ھەرخىل باج-سېلىقنى ئۆزگەرتىپ بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بىر خىل باج-سېلىقنى بىر قېتىمدىلا يىغىدىغان بولغان. سېربىيىدىكى تۈركلەر شەھەرلەردىلا ئولتۇراقلىشىدىغان بولغان؛ سېربىيىدىكى تۈركىيە قوشۇنلىرى چېكىندۈرۈلۈپ، يەرلىكنىڭ مۇداپىئەسىنى سېربىيىلىكلەر ئۈستىگە ئالغان. سۈلھ شەرتنامىدە، ئەمەلىيەتتە سېربىيىگە ئاپتونومىيە بېرىلگەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان. لېكىن قوزغىلاڭچىلار روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن سۈلھ شەرتنامىنىڭ مەزمۇنىنى ئېتىراپ قىلىشتىن باش تارتقان ھەمدە 1807-يىلى 3-ئايدا روسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. 

ئىچكى رايونلار قوشۇنى

  • ئىچكى رايونلار قوشۇنى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرانسىيە مەملىكەت ئىچى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى. 1944-يىلى 2-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئازادلىقىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، مەخپىي قوشۇن، ئەركىنلىك ۋە ماكى گۇرۇپپىسى ئارمىيە قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى، ئەركىن مەرگەنلەر ۋە فرانسىيە پارتىزانلىرى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىشىپ قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئادەم سانى 500 مىڭغا يەتكەن. فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتىدىن بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىنغان. ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا ياردەملىشىش، مەملىكەت ئىچىدىكى قالدۇق دۈشمەنلەرنى يوقىتىش ۋە فرانسىيىنى ئازاد قىلىش جەھەتلىرىدە مەلۇم رول ئوينىغان. 

ئىچكى ئۇرۇش خاتىرىلىرى

  • ئىچكى ئۇرۇش خاتىرىلىرى[يەشمىسى:] كىتاب نامى. قەدىمكى رىم سىياسىيونى، ھەربىي ئالىم، يازغۇچى كائېسارنىڭ ئەسىرى، جەمئىي ئۈچ توم بولۇپ، ئاساسلىقى مىلادىدىن 49 — 48 يىل ئىلگىرىكى يىللىرىدا كائېسارنىڭ پومپيۇس ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنى يېڭىش جەريانى بايان قىلىنغان، ئاپتور گۇرۇھۋازلىق قىلىپ، كىتابتا چامىنىڭ يېتىشىچە ئۆزىنى ئاقلاپ، پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىشلارنى بەكمۇ كۆپ مۇبالىغە قىلغان. تارىخىي ماتېرىيال ۋە يېزىقچىلىق ماھارىتى جەھەتتە ئاپتورنىڭ يەنە بىر ئەسىرى — «گاللىيە ئۇرۇشى خاتىرىلىرى» گە سېلىشتۇرغاندا چېنىپ قالىدۇ. يەنە «ئىچكى ئۇرۇش خاتىرىلىرى» نىڭ داۋامى دېگەن ئەسەرمۇ بولۇپ، بۇنى كائېسارنىڭ مەسلىھەتچىسى ئارۇس ئىرجۇس يازغان. 

ئىچى جاجى

  • ئىچى جاجى[يەشمىسى:]1858 — 1939) ياپونىيىلىك خىمىك، تەبىئىي پەن دوكتورى. داشۆ نەنشياۋ (كېيىن كائېسۇڭ مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلگەن) دە ئوقۇغان چاغدا ئەنگلىيىگە بېرىپ ئوقۇغان. 1881-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ئىككىنچى يىلى توكيو داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. كېيىن ئىمپېرىيە بىلىم يۇرتىنىڭ مۇدىرى بولغان. ياپونىيە خىمىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، ئىلمىي تەتقىقات كېڭىشىنىڭ باشلىقى بولغان ھەمدە فرانسىيە، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىمىيە ئىلمىي جەمئىيەتلىرىنىڭ پەخرىي ئەزاسى بولغان. ئوقۇغۇچىسى ئىكېتا كىكۇناي (1864 — 1936) بىلەن بىللە «ئىچى-ئىكېتا قايناش نۇقتىسىنى ئۆلچەش ئۇسۇلى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېرىتمىنىڭ قايناش نۇقتىسىنىڭ ئۆرلىشىنى ئۆلچەيدىغان «بېكمەن ئۇسۇلى» نى ياخشىلىغان. «ئەسلىمىلەر» دېگەن ئەسىرى بار. 

ئىچىكا ۋاشوئىچى

  • ئىچىكا ۋاشوئىچى[يەشمىسى:]1892 — 1945) ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى رەھبەرلىرىدىن بىرى. ياماگۇتى ناھىيىسىدىن. ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1922-يىلى ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. 1927-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1928-يىلىدىكى 15-مارت ۋەقەسىدىن كېيىن موسكۋاغا بېرىپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقان. 1929-يىلىدىكى 16-ئاپرېل ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1935-يىلى قاماقتىكى چېغىدا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە ئەزالىقىغا سايلانغان. 1945-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈرمىدە ئۆلگەن. ئۇ سوتتا بەش قېتىم ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلەپ (1931-يىل 7-ئاينىڭ21 — 30-كۈنلىرى) ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ئىچكى-تاشقى ئەكسىيەتچىل جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىپ، ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باتۇرانە كۈرەش تارىخىنى سىستېمىلىق بايان قىلغان. ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۇنىڭ خاتىرىلىۋېلىنغان نۇتۇقلىرىنى رەتلەپ چىقىپ «ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كۈرەش تارىخى» ناملىق كىتابچە نەشىر قىلغان. ئۇنىڭ يەنە «پرولېتارىيات»، «سىنىپنىڭ ئاممىۋى يېگانە سىياسىي پارتىيىسى دېگەن نېمە؟»، «ياپونىيە پۇل-مۇئامىلە كاپىتالىنىڭ تەرەققىيات تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

ئىدرىس

  • ئىدرىس[يەشمىسى:]Idrisi-Al، 1099 ياكى 1100 — 1166) ئەرەب جۇغراپىيونى. سېئوتا (Ceuta) دا تۇغۇلغان. ئىسپانىيىنىڭ كوردوۋا شەھىرىدە ئوقۇغان. كېيىن شىمالىي ئافرىقا ۋە كىچىك ئاسىيانى كەڭ تۈردە ساياھەت قىلغان. تەخمىنەن 1138-يىلى سىتسىلىيە كورۇلى روجېرⅡ نىڭ تەكلىپى بىلەن پالېرموغا كېلىپ، خانلىق جۇغراپىيە ئالىمى بولغان. 466 سەر كۈمۈش بىلەن بىر گلوبۇس ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسلىق ئىقلىم بەلباغلىرىنى ئويۇپ چىققان. ئۇ ئالدىنقىلارنىڭ نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەپ، يەر شارىنىڭ شارسىمان ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن، شۇڭا ئۇ سىزىپ چىققان دۇنيا خەرىتىسى بىر قەدەر توغرا بولغان، لېكىن خەرىتىدىكى جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپ ھازىرقى خەرىتىدىكىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ قالغان. سىتسىلىيە كورۇلى ۋە شاھزادىسىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا كۆپلىگەن بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئىگە بولغان، بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ ھەمدە ئۆزىنىڭ بىلىملىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، «دۇنيانى ساياھەت قىلىشنى ئارزۇ قىلغۇچىلارنىڭ ھەۋىسى» («روجېر كىتابى») ناملىق دۇنيا جۇغراپىيە تەزكىرىسىنى يېزىپ چىققان، ئۇنىڭدا جۇڭگو ۋە ھىندىستاننىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ خاتىرىلەر بار. بۇ كىتاب لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، ياۋروپالىقلار ئۇنى نوپۇزلۇق ئەسەر دەپ ھېسابلىغان. 

ئىدىرىس

  • ئىدىرىس[يەشمىسى:]Idris Aloma، 1542 — 1603 ياكى 1619) بورنۇ (Bornu) پادىشاھلىقىنىڭ كورۇلى (1570 ياكى 1575 — 1603 ياكى 1619). ئۈچ يېشىدا دادىسىدىن يېتىم قېلىپ، پادىشاھلىق ھوقۇق بىر مەھەل باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن. تەختتىكى مەزگىلىدە، مەملىكەت ئىچىدە مەسچىت سالدۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى تارقىتىپ، ئىسلام شەرىئىتىنى يولغا قويغان. تۈركىيىدىن يېڭى قوراللارنى سېتىۋېلىپ، كۈچلۈك پىيادە ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر قوشۇنىنى قۇرۇپ چىققان. كانېم رايونىنى قايتۇرۇۋېلىپ، ھاۋسا شەھەر دۆلىتىنى ۋە فېتىسساننى ئەل قىلدۇرغان. 

ئىدىرىس خاندانلىقى

  • ئىدىرىس خاندانلىقى[يەشمىسى:] لىۋىيىنىڭ پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك خاندانلىقى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتالىيە يېڭىلىپ، ئەسلىدە ئىتالىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان لىۋىيە ئەنگلىيە، فرانسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1951-يىل 12-ئاينىڭ24-كۈنى، لىۋىيە پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى فېدېراتىپ دۆلەتكە ئايلىنىپ، سانۇس مەزھىپى دىنىي تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ئىدىرىس (Sayyid Muhammad Idris assanusi، 1890 — ؟) تەختكە يۆلەپ چىقىرىلغان. ئۇ ئىدىرىسⅠ دەپ ئاتالغان. 1963-يىلى دۆلەت نامىنى لىۋىيە پادىشاھلىقى دەپ ئۆزگەرتكەن. ئىدىرىسⅠ جاھانگىرلارنىڭ ھەربىي بازىسىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆز خەلقىنى دەھشەتلىك ئەزگەن. 1969-يىلى خاندانلىق ئىچكى ئىنقىلاب ئارقىلىق ئاغدۇرۇلۇپ، ئەرەب لىۋىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 

ئىراق-ئىئوردانىيە ئىتتىپاقى

  • ئىراق-ئىئوردانىيە ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] يەنى، «ئەرەب ئىتتىپاقى» گە قاراڭ. 

ئىران بۇرژۇئا ئىنقىلابى

  • ئىران بۇرژۇئا ئىنقىلابى[يەشمىسى:] ئىراننىڭ 1905 — 1911-يىللىرىدىكى جاھانگىرلىك ۋە فېئودالىزمغا قارشى بۇرژۇئا ئىنقىلابى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئىراننىڭ يېرىم مۇستەملىكىلىشىشى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشقان، مەملىكەت ئىچىدىكى فېئودال ھۆكۈمرانلار جەمئىيەت تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغان، بۇ ھال خەلقنىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1905-يىلى 12-ئايدا، تېھران، تەبرىز قاتارلىق جايلاردىكى ئىشچى-دېھقانلار ئاممىسى زور خەلق ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ئىنقىلابىي دېموكراتىك تەشكىلات ۋە پىدائىيلار قوشۇنىنى تەشكىللەپ، پادىشاھ مۇزەپپەر ئالدىن (Din-Muzffar al، 1853 — 1907) نى ئىككىنچى يىلى پارلامېنت چاقىرىپ، ئاساسىي قانۇن جاكارلاشقا ھەمدە تەختنى ۋەلىئەھد مۇھەممەد ئەلى (Muhammad Ali، 1872 — 1925) گە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇر قىلغان. 1907-يىلدىن كېيىن، ئىشچى-دېھقانلار ھەرىكىتى چوڭقۇر راۋاجلانغان. 1908-يىلى 6-ئايدا مۇھەممەد ئەلى تېھراندا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، پارلامېنت ۋە ئىنقىلابىي تەشكىلاتلارنى تارقىتىۋېتىپ، ئىنقىلابچىلارنى قىرغىن قىلغان، خەلق ھەرىكىتى يېڭى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. 1909-يىلى 7-ئايدا شىمال ئىنقىلابىي قوشۇنى پادىشاھقا قارشى قەبىلىلەرنىڭ بەگلىك قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ، تېھراننى ئىشغال قىلىپ، مۇھەممەد ئەلىنى بىكار قىلىپ، ئىككىنچى نۆۋەتلىك پارلامېنتنى چاقىرغان. ھاكىمىيەت بېشىدىكى پومېشچىك، بۇرژۇئا گۇرۇھلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇپ، جاھانگىرلىك ۋە فېئودالىزم كۈچلىرى بىلەن مۇرەسسەلەشكەن. 1911-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئەنگلىيە ۋە روسىيە قوشۇنلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىراقنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرگە ئارىلاشقان. ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 12-ئايدا تېھراندا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، قاجار خاندانلىقى تىرىلىپ، ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغان. 

ئىران-تۈركىيە ئۇرۇشى

  • ئىران-تۈركىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:]ⅩⅥ—ⅩⅦ ئەسىرلەردە ئىران سافى خاندانلىقى بىلەن تۈرك ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدا بولغان ئۇرۇش. كۆرۈنۈشتە ئىسلام دىنى شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىغان سافى خاندانلىقى بىلەن ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىغان ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى دىنىي كۈرەشتەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئىككى تەرەپنىڭ جەنۇبىي كاپكاز، كوردىستان ۋە ئىراقنى تالىشىش كۈرىشى ئىدى. ئۇرۇش ئاساسەن ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلغان. (1) 1514 — 1555-يىللىرى. 1514-يىلى 8-ئايدا، تۈركىيە سۇلتانى سەلىمⅠ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىككى تەرەپ چالدىران(Chaldiran، ھازىرقى ئىراننىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدە) دېگەن يەردە كەسكىن جەڭ قىلغان. تۈركىيە مىلتىق، زەمبىرەكلەر بىلەن قوراللانغان ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ ئارقىلىق غەلىبە قىلىپ، كۇردىستان ۋە ئەرمىنىيىنىڭ غەربىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە سافى خاندانلىقىنىڭ پايتەختى تەبرىزنى بىر مەھەل ئىشغال قىلىۋالغان. 1534-،1548،1553-يىللىرى سۇلتان سۇلايمانⅠ يەنە كۆپ قېتىم ئىرانغا بېسىپ كىرىپ، سافى خاندانلىقىنىڭ غەربىدىكى كەڭ زېمىنىنى تارتىۋالغان. 1555-يىلى ئىككى تەرەپ سۈلھكە كېلىپ، سۈلھ شەرتنامە بويىچە تۈركىيە ئىراققا ئىگە بولغان، ئەزەربەيجان ئىرانغا تەۋە بولغان. ئەرمىنىيە بىلەن گروزىيىنى ئىككى دۆلەت بۆلۈشۈۋالغان. (2) 1603 — 1612-يىللىرى. 1590-يىلى ئىران كورۇلى ئابباسⅠ شەرقىي گروزىيە، شەرقىي ئەرمەنىستان ۋە ئەزەربەيجاننى ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە كېسىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان، كېيىن ئابباسⅠ ئارمىيىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، كۈچىنى ئاشۇرغان. 1603-يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، تۈركىيە قوشۇنىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. 1612-يىلى ئىككى تەرەپ سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاپ، سافى خاندانلىقى گروزىيە، ئەرمەنىستان، ئەزەربەيجان ۋە كۇردىستاننى ھەمدە دىيار بەكىر (Diyarbakir)، مۇسۇل، باغداد قاتارلىق جايلارنى قايتۇرۇۋالغان. (3) 1623 — 1639-يىللىرى. دەسلىپىدە سافى خاندانلىقى ئىراق ۋە مېسوپوتامىيىنى ئىشغال قىلغان، كېيىن تۈركلەر تارتىۋالغان. 1639-يىلى ئىككى تەرەپ يەنە بىر قېتىم سۈلھ قىلىپ، ئاساسەن ئىككى دۆلەتنىڭ 1612-يىلى بەلگىلىگەن چېگرىسىنى ساقلاپ قالغان.

ئىران مىللەتچىلىرى

  • ئىران مىللەتچىلىرى[يەشمىسى:]ئىران يەر ئاستى فاشىستىك تەشكىلاتى. 1942-يىلى قۇرۇلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ مەقسىتى بويىچە، جەنۇبىي ئىراندىكى قەبىلىلەرنىڭ ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ شۇۋېنىزملىق سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقى ۋە ئەنگلىيىگە قارشى كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئىران ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتكەن. ئەزالىرى گىتلېرچى ئۇنسۇرلار بىلەن بىللە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، تۆمۈريول، تاشيوللارنى بۇزۇپ، گېرمانىيىگە ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلغان. 1943-يىلى قەبىلىلەر توپىلاڭ كۆتۈرۈشنى توختاتقاندىن كېيىن، پارچىلىنىپ كەتكەن. 

ئىراننىڭ نېفىتنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈش ھەرىكىتى

  • ئىراننىڭ نېفىتنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈش ھەرىكىتى[يەشمىسى:]ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىران خەلقى مىللەتنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتى ۋە نېفىت بايلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان جاھانگىرلىككە قارشى ھەرىكىتى. 1951-يىلى 3-ئايدا، ئىران پارلامېنتى نېفىتنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈش قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىغان. شۇ يىلى 4-ئايدا مۇسادې ھۆكۈمىتى تەشكىللەنگەندىن كېيىن، قانۇن لايىھىسى يولغا قويۇلغان. 5-ئايدا تېھران ئاممىسى يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئىران نېفىتىنى ئۇزاقتىن بۇيان مونوپول قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنگلىيە-ئىران نېفىت كومپانىيىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 10-ئايدا، ئىران ھۆكۈمىتى بۇ شىركەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ھەمدە ئەنگلىيىنىڭ بۇ مەسىلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلغان. ئەنگلىيە ئارقىدىنلا ئىرانغا قارىتا ئىقتىسادىي قامال يۈرگۈزگەن. 1952-يىلى 10-ئايدا ئىران بىلەن ئەنگلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن. ئىككىنچى يىلى 8-ئايدا مۇسادې ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نېفىت شىركەتلىرىدىن تەركىب تاپقان خەلقئارا نېفىت مالىيە گۇرۇھى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى 250 مىڭ كۋادرات كىلومېتردىن ئارتۇق «كېلىشىم رايونى» نىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازىنى چارلاش، ئېچىش ۋە ئايرىشتىكى مەخسۇس پايدا ھوقۇقىغا ئىگە بولۇۋېلىپ، ئىراننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنى يېڭىباشتىن كونترول قىلغان. 1973-يىلىغا كەلگەندىلا، ئىران غەرب نېفىت كارخانىلىرىنىڭ ئىراندىكى مەبلىغىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋالغان. 

ئىرسۇ قوزغىلىڭى

  • ئىرسۇ قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]قەدىمكى مىسىر 19-سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ. تەخمىنەن مىلادىدىن 1210 يىل ئىلگىرىكى يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، مىسىردا ئولتۇراقلىشىپ قالغان سۈرىيىلىك قۇل (ياللانما ئەسكەر دېگەن گەپمۇ بار) ئىرسۇ (Irsu) رەھبەرلىك قىلىپ قوزغىغان، قۇللار ۋە نامراتلار (بەلكىم كۆپلىگەن سۈرىيىلىكلەر) كەڭ كۆلەمدە قاتناشقان. قوزغىلاڭچىلار راھىب، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، قۇلدارلار گۇرۇھىغا زەربە بەرگەن. ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ئىرسۇ ئۆزىنى فىرئەۋىن دەپ ئاتىغان. كېيىن مىسىر 20-سۇلالىسىنى قۇرغۇچى فىرئەۋىن سېناھت (Sethnakhte) تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مەشھۇر «خارس پاپىرۇس قول يازمىلىرى» دىمۇ خاتىرىلەر بار. 

ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قانۇنى

  • ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قانۇنى[يەشمىسى:]«گۇرۇھلارنىڭ رايونلار بويىچە ئولتۇراقلىشىش قانۇنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەڭلىك ئىرقلارنى كەمسىتىش ۋە زۇلۇم سېلىشتىكى قانۇن لايىھىسى. 1950-يىلى 5-ئايدا ماقۇللانغان. 1951-يىلى 3-ئايدا رەسمىي يولغا قويۇلغان. مەزكۇر قانۇندا ياۋروپالىقلار، ھىندىلار بىلەن شالغۇتلار، ئافرىقىلىقلار رايونلار بويىچە ئايرىۋېتىلگەن. ئاھالىنىڭ تەخمىنەن %20 نى تەشكىل قىلىدىغان ياۋروپالىقلار %80 تىن ئارتۇق زېمىننى ئىگىلىۋالغان. رەڭلىك ئىرقلارنىڭ ياۋروپالىقلار تەرىپىدىن ئېچىلغان مېھمانخانا، ئاشخانا، كىنوخانا قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرىشىگە يول قويۇلمىغان. ئاق تەنلىك ئىشچىلار بىلەن رەڭلىك ئىرقتىكى ئىشچىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرغان بولۇپ،بۇ ئىككىسىنىڭ ئىش ھەققىمۇ زور دەرىجىدە پەرقلەنگەن. 

ئىرلاندلار بىرلەشمىسى

  • ئىرلاندلار بىرلەشمىسى[يەشمىسى:] 1791-يىلى قۇرۇلغان ئىرلاندىيە مىللىي مۇستەقىللىكنى ۋە سىياسىي-دىنىي ئىسلاھاتنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئاممىۋى تەشكىلات. ئۇنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى جۇمھۇرىيەتچىلىك ئىدىيىسىگە ئىگە بولغان ياش ئادۋوكات تونې (Theo Bald Wolfe Tone، 1763 — 1789). باش شتابى بېلفاستتا قۇرۇلغان. ئاساسلىق ئەزالىرى ئىشچىلار، دېھقانلار، ئوتتۇرا ئۇششاق بۇرژۇئازىيە، زىيالىيلار، جۈملىدىن كاتولىكلار ۋە پروتېستانتلار. ئۇ سۈنئىي بولغان بارلىق دىنىي پەرقلەرنى بىكار قىلىپ، بارلىق ئىرلاندلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. شۇنداقلا ئەرلەر ئومۇمىي سايلام ھوقۇقى، يەر ئىسلاھاتى قاتارلىق سىياسىي، ئىقتىسادىي تەلەپلەرنى قويغان. 1794-يىلى 5-ئايدا ئەنگلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلىنىپ، نۇرغۇنلىغان ئەزالىرى قولغا ئېلىنغان. 1796 — 1798-يىللىرى كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولۇپ، ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان. 1798-يىلى 5-ئايدا باشلانغان قوزغىلاڭ بىر تۇتاش پىلان بولمىغانلىقى ۋە قوماندانلىق مۇۋاپىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىنتايىن دەھشەتلىك تۈردە باستۇرۇلغان، 70 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن. ئىرلاندلار بىرلەشمىسى رەھبەرلىك قىلغان مۇستەقىللىك ھەرىكىتى شۇنىڭ بىلەن مەغلۇپ بولغان. 

ئىرلاندىيە ئاپتونومىيە قانۇنى

  • ئىرلاندىيە ئاپتونومىيە قانۇنى[يەشمىسى:]ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئىرلاندىيىدىكى مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئىرلاندىيىدە چەكلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنى 1886-يىلى 4-ئايدا گلادىستون ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ مەزمۇنى: ئىرلاندىيە پارلامېنتى ۋە پارلامېنت ئالدىدا جاۋابكار بولىدىغان مەمۇرىي ئاپپارات قۇرۇش؛ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن سودىنى داۋاملاشتۇرۇش؛ ئىرلاندىيە ھەر يىلى ئىمپېرىيىگە خىراجەت يەتكۈزۈپ بېرىش؛ ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتى ئىرلاندىيىدىكى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىسى، پورت ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرى قاتارلىقلارنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت، لېكىن بۇ ماقۇللانمىغان. 1893-يىلى ۋە 1912-يىلى لىبېراللار پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى قانۇن لايىھىسى مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسىنىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشى ۋە يۇقىرى پالاتانىڭ رەت قىلىشى بىلەن ماقۇللانمىغان. 1920-يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يەنە يېڭى قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنىڭدا جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئىرلاندىيىلەر ئۆز ئالدىغا پارلامېنت قۇرۇش بەلگىلەنگەن. 1921-يىل 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئىرلاندىيە ئوڭ قانات سىن فېين پارتىيىسى شەرتنامە ئىمزالىغان. ئىرلاندىيىنىڭ شىمالى يەنىلا ئەنگلىيىگە تەۋە بولغان، جەنۇبتىكى 26 ۋىلايەتتە ئەركىن شتات قۇرۇلۇپ، دومىنىئون ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. 

ئىرلاندىيە يەر ئىتتىپاقى

  • ئىرلاندىيە يەر ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] ئىرلاندىيىدىكى دېھقانلار ئاممىۋى تەشكىلاتى. 1879-يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ تەشەببۇسچىسى — ئىشچى مىكائېل داۋىتت (Michael Davitt، 1846 — 1906). ئاساسىي تىغ ئۇچىنى چوڭ يەر تۈزۈمىگە قاراتقان ھەمدە مىللىي ئازادلىق كۈرىشى بىلەن بىرلەشتۈرگەن. پومېشچىكلارنىڭ جاڭزىلىرىغا ئوت قويۇش، چارۋا-ماللارنى يوقىتىش، جىنايىتى قەبىھ بولغان پومېشچىكلار ۋە ئۇلارنىڭ خوجىدارلىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋە «بايكوت» قىلىشتەك كۈرەش ئۇسۇلىنى ئاساسىي ۋاسىتە قىلغان. ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى ئىرلاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۆمىكىنىڭ رەھبىرى پارنېلل رەئىس بولغان. قاتناشقان ئادەم سانى 200 مىڭ ئەتراپىدا.1882-يىلى نامى «مىللىي ئىتتىپاق» دەپ ئۆزگەرتىلگەن، سىياسىي پوزىتسىيىسى تېخىمۇ مۇلايىملاشقان، لېكىن ئاممىۋى كۈرەش ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ تۇرغان. 

ئىرلاندىيىدىكى پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭى

  • ئىرلاندىيىدىكى پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىرلاندىيە خەلقى مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوزغىغان قوراللىق قوزغىلاڭ. ئىرلاندىيە خەلقى «ئىرلاندىيە ئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ ماقۇللانمىغانلىقىدىن ۋە ئەنگلىيىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقانلىقىدىن قاتتىق نارازى بولغان. قوزغىلاڭنى ئاساسەن ئىرلاندىيە مىللىي ئارمىيىسى ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە فېنى جەمئىيىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. قورال-ياراقنى گېرمانىيە يەتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغان، قوزغىلاڭ 1916-يىلدىكى پاسخا بايرىمىدا بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ رەھبىرى كاسېمېنت (Roger David Casement، 1864 — 1916) قولغا ئېلىنىپ كەتكەنلىكتىن، قوزغىلاڭ باشقا ئىككى رەھبىرى پېئېرسې (P. Peerse) بىلەن كوننولى (James Connolly، 1870 — 1916) نىڭ رەھبەرلىكىدە پاسخا بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنى پارتلىغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن تەخمىنەن 1500 دىن ئارتۇق ئادەم بولۇپ، دۇبرلىندىكى پوچتا-تېلېگراف باش ئىدارىسى قاتارلىق مەركىزىي ئەسلىھەلەرنى ئىشغال قىلىپ، ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەنگلىيە دائىرىلىرى دەرھال باستۇرۇپ، بەش كۈن جىددىي جەڭ قىلىش ئارقىسىدا، قوزغىلاڭ 4-ئاينىڭ 29-كۈنى مەغلۇپ بولغان. 15 نەپەر قوزغىلاڭچى ھەربىي سوتتا سوراق قىلىش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلگەن، كاسېمېنت دارغا ئېسىلغان، بىرنەچچە يۈز ئادەم قولغا ئېلىنغان. لېكىن كېيىن جايلاردا پارچە-پۇرات قوزغىلاڭلار ئۈزۈلمىگەن. 

ئىرلاندىيە ئۇرۇشى

  • ئىرلاندىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:]ئىرلاندىيىدىكى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇش. كەڭ كۆلەمدە بولغىنى ئۈچ قېتىم:(1)1641-يىلدىكى ئۇرۇش.1641-يىل 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىرلاندىيىدە مىللىي قوزغىلاڭ پارتلىغان. 12-ئايدا كاتولىك دىنىدىكى نۇرغۇن چوڭ ئاقسۆڭەكلەر ئۇنىڭغا قاتناشقان، 1644-يىلى 5-ئايدا ئىرلاندىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئالىي يىغىن تەسىس قىلىنغان. 1649-يىلى كرومۋېل ئۆزى ئەسكەر باشلاپ بېرىپ باستۇرغان. (2) 1789-يىلدىكى ئۇرۇش. تونې (Theo bald Wolfe Tone، 1763 — 1798) باشچىلىقىدىكى ئىرلاندلار بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە مىللىي قوزغىلاڭ پارتلىغان («ئىرلاندلار بىرلەشمىسى» گە قاراڭ). (3) 1916-يىلدىكى ئۇرۇش. يەنى «ئىرلاندىيە پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭى».

ئىسابېل

  • ئىسابېل[يەشمىسى:]Isabel Ila Católica، 1451 — 1504) كاستىلىيە كورۇلىۋاسى (1474 — 1504). 1469-يىلى ئاراگون شاھزادىسى فېرناندو بىلەن توي قىلغان. 1474-يىلى كاستىلىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان. 1479-يىلى، فېرناندو ئاراگوننىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ (فېرناندو Ⅱ دېيىلىدۇ). كاستىلىيە بىلەن ئاراگون رەسمىي قوشۇلۇپ، ئىسپانىيىنىڭ بىرلىكى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. تەختتىكى مەزگىلىدە شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرگە تايىنىپ، چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنى بېسىپ، مونارخىيىلىك ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن. دىنىي سوتنىڭ ياردىمى بىلەن «بىدئەت» لەرگە رەھىمسىزلىك بىلەن زىيانكەشلىك قىلىپ، يەھۇدىيلەرنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان. 1492-يىلى، ئەرەبلەرنىڭ ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بازىسى گرانادانى قايتۇرۇۋالغان. شۇ يىلى كولۇمبۇنىڭ دېڭىز سەپىرى قىلىپ ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىشىغا ماددىي ياردەم بېرىپ، ئامېرىكا قىتئەسىنى مۇستەملىكە ۋە تالان-تاراج قىلىشنى باشلىغان. 

ئىساكوۋىسكىي

  • ئىساكوۋىسكىي[يەشمىسى:]Миxаил Васильевич Исаковский،1900— 1973) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق شائىر. نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 14 يېشىدىلا شېئىر يېزىشنى باشلىغان. 1918-يىلى روسىيە كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) گە قاتناشقان. 1921 — 1931-يىللىرى سىمولېنىسكىدا «ئىشچىلار يولى» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى بولغان. 1927-يىلى شېئىرلار توپلىمى — «شال پاخىلى ئىچىدىكى ئېلېكتر سىمى» نى ئېلان قىلىپ، گوركىينىڭ ياخشى باھاسىغا ئىگە بولغان. داڭلىق شېئىرلىرىدىن «ئۇنى كىم بىلىدۇ»، «كاتيۇشا»، «ھەربىي سەپتىن چېكىندۈرۈلگەن چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرى»، «ئۇزىتىش»، «چىراغ نۇرى»، «قۇشلار ئۇچتى يىراققا» قاتارلىقلار بار. تىلى راۋان، قاپىيە ۋە ۋەزنى يېقىملىق، ئۇسلۇبى ئاددىي بولۇپ، كۆپلىگەن شېئىرلىرىنى ئامما ناخشا قىلىپ ئېيتقان. 

ئىساكىس

  • ئىساكىس[يەشمىسى:]Jorge Isaacs، 1837 — 1895) كولومبىيىلىك يازغۇچى. ئىلگىرى-كېيىن كالى، پوپايان، بوگوتا ۋە لوندوندا ئوقۇغان. 1860-يىلى ئىچكى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1867-يىلىدىن باشلاپ ھۆكۈمەت ئورگىنىدا خىزمەت قىلىپ، پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1871 — 1873-يىللىرى چىلىدا تۇرۇشلۇق كونسۇل بولغان. كېيىن نامراتلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن. تراگېدىيىلىك رومان — «مارىيە» دېگەن ئەسىرى بار. بۇ لاتىن ئامېرىكىسى رومانتىزمىدا ۋەكىللىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. يەنە «شېئىرلار توپلىمى» قاتارلىقلار بار. 

ئىساكيان

  • ئىساكيان[يەشمىسى:]Аветик Сээкович Исээкян، 1875 — 1957) ئەرمىنىيىلىك شائىر. چېركاۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1892-يىلدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1897-يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «ناخشا ساداسى ۋە جاراھەت» نى ئېلان قىلىپ، خەلقنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 1905-يىلىدىكى ئىنقىلابنىڭ تەسىرى بىلەن «ئەركىن قوڭغۇراق ئاۋازى» نى يېزىپ، مىللىي ۋە سىنىپىي زۇلۇمغا بولغان قارشىلىقىنى ئىپادىلىگەن. چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقتىن، 1911-يىلىدىن باشلاپ ئۇزاققىچە چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، داستان — «شاسۇن شەھىرىدىكى مۇگېر» نى يېزىپ ئەرمىنىيىنىڭ تارىخىي داستانى «شاسۇنىيىلىك داۋىد» دىكى ۋەقەلىكتىن پايدىلىنىپ، باتۇر مۇگېرنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. 1936-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئىلگىرى-كېيىن «ۋەتىنىمگە بېغىشلايمەن»، «جەڭگىۋار چاقىرىق»، «قەلبىم تاغ چوققىسىدا» ۋە «كۈرىشىمىز» قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، خەلقنى سوۋېت دۆلىتىنى قوغداش يولىدا پىداكارلىق قىلىشقا چاقىرغان. 

ئىسانوپۇرا دۆلىتى

  • ئىسانوپۇرا دۆلىتى[يەشمىسى:]يەنى چېنلا (Ченла). بۇ نام مىلادى Ⅶ ئەسىردىكى جۇڭگو تاڭ سۇلالىسىنىڭ كاتتا راھىبى شۈەنزاڭنىڭ ئەسىرى — «ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى» ئونىنچى جىلدىنىڭ «ساماتاتا دۆلىتى» دېگەن ماددىسىدا ئۇچرايدۇ. تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە ئاساسلانغاندا ئىسانوپۇرا (Isanopura) چېنلارنىڭ پايتەختى ئىسانو شەھىرىنىڭ باشقىچە تەرجىمىسى بولۇپ، پايتەخت نامىنى دۆلەت نامى قىلغانلىقتىن، مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغانىكەن. 

ئىسپانىيە پادىشاھلىقى ئاساسىي نىزامى

  • ئىسپانىيە پادىشاھلىقى ئاساسىي نىزامى[يەشمىسى:]1834-يىلى جاكارلانغان ئىسپانىيە ئاساسىي قانۇنى. 1833-يىلى كارلوس ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، نائىب كورۇلىۋاسى مارىيە كرىستىنا ئۇرۇشتا بۇرژۇئازىيىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، 1834-يىلى 1-ئايدا مۆتىدىلچىلەر (چوڭ بۇرژۇئازىيە ۋە ئەركىنلەشتۈرگۈچى پومېشچىكلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ) نىڭ باشلىقى مارتىنېزدې لاروسا(Francisco Martinezdela Rosa،1787— 1862) نى كابىنېت تەشكىللەشتە تەيىنلەپ، 4-ئايدا «پادىشاھلىق ئاساسىي نىزام» نى جاكارلىغان. ئاساسىي نىزامدا پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، پارلامېنت ئىككى پالاتالىق تۈزۈمىدە بولىدۇ، يۇقىرى پالاتانى پارلامېنت تەيىنلەيدۇ، تۆۋەن پالاتا ۋاسىتىلىك سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ؛ كورۇلنىڭ تۆۋەن پالاتانى تارقىتىۋېتىش ياكى ئۇنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ھوقۇقى ھەمدە پارلامېنت قارارلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ؛ ھۆكۈمەت كورۇل ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بەكمۇ كونسېرۋاتىپ بولغانلىقتىن، ئوتتۇرا، كىچىك بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەرەققىيپەرۋەرلەر ۋە شەھەر كەمبەغەللىرىنى ئاساس قىلغان رادىكال كۈچلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. «ئىسپانىيىدىكى 1834— 1843-يىللاردىكى ئىنقىلاب» قا قارالسۇن. 

ئىسپانىيە پارلامېنتى

  • ئىسپانىيە پارلامېنتى[يەشمىسى:]ئىسپانىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى تەبىقە ۋەكىللىك ئورگىنى، يېقىنقى زامان بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ۋەكالەت ئورگىنى. ئىسپانچە Gorte, gortes بولۇپ، ئەسلى ئوردا دېگەن مەنىدە، ئوتتۇرا ئەسىردە پورتۇگالىيە پارلامېنتىمۇ مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئاراگون پارلامېنتى بىلەن كاستىللار پارلامېنتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1071-ۋە 1137-يىللىرى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، دەسلىپىدە پەقەت ئىككى ئىمتىيازلىق تەبىقىنىڭ يەنى ئاقسۆڭەكلەر بىلەن دىندارلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. كېيىن جايلاردىكى شەھەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىپ پارلامېنتقا قاتناشتۇرغان. كاستىللا پارلامېنتى پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى كۈچەيتىش ۋە فېئوداللارنىڭ بېشەملىكىنى چەكلەش جەھەتتە مەلۇم رول ئوينىغان. ئاراگون پارلامېنتى چوڭ فېئوداللارنىڭ قولىدا بولۇپ، كورۇلنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان. ⅩⅧ ئەسىرگە كەلگەندە، ئىلگىرىكى تەبىقە ۋەكىللىك ئورگانلىرىنىڭ ئىسمى بار، جىسمى يوق بولۇپ قېلىپ، پۈتكۈل ھاكىمىيەتنى پادىشاھ ئۆز قولىدا تۇتقان. بەزىدە بەزى مۇراسىملار (ئالايلۇق: كورۇل ئالماشقان ياكى كورۇل جەمەتلىرى نىكاھلانغان)نى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنلا پارلامېنت چاقىرىلغان. بىرىنچى قېتىملىق بۇرژۇئا ئىنقىلابىدا، ۋاقىتلىق پارلامېنت 1812-يىلى كارىستا چاقىرىلىپ،ھۈرلۈك ئاساسىي قانۇننى تۈزۈپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ ئالىي ئورگىنى — بىر پالاتالىق پارلامېنت، ئۇ، ئومۇمىي سايلام ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ سايلىنىدۇ (ئائىلە چاكارلىرىنىڭ سايلام ھوقۇقى بولمايدۇ)؛ كورۇلنىڭ پارلامېنت يىغىنىنى تارقىتىۋېتىش، ئۇزارتىش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش ھوقۇقى بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. لېكىن 1814-يىلى فېرناندو Ⅶ نىڭ تىرىلدۈرۈشىدىن كېيىن، پارلامېنت تارقىتىۋېتىلگەن. 1820 — 1823-يىللىرىدىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابىدا، فېرناندو Ⅶ 1812-يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولۇپ، 1820-يىلى يېڭى پارلامېنت چاقىرغان. ئۇنىڭدا كونسېرۋاتىپلار ۋە رادىكاللاردىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھ شەكىللەنگەن.كېيىنكىسى1822-يىلىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا يېڭىپ چىقىپ، ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان.1869-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇندا ئىسپانىيە ۋارىسلىق قىلىنىدىغان پادىشاھلىق، كورۇلنىڭ ھوقۇقىنى تەڭ ھوقۇقلۇق بولغان يۇقىرى-تۆۋەن ئىككى پالاتا تىزگىنلەپ تۇرىدۇ، دەپ جاكارلانغان. 1876-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن ۋە 1877-، 1878-يىللاردىكى ئىككى پالاتاغا ئالاقىدار بولغان سايلام قانۇنلىرىدا ئىسپانىيە ۋارىسلىق قىلىنىدىغان پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەت بولۇپ، مەمۇرىي ھوقۇق كورۇلغا، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى كورۇل بىلەن پارلامېنتقا مەنسۇپ بولىدۇ؛ كورۇل بەلگىلىگەن ۋەزىر پارلامېنت ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، كورۇلنىڭ بارلىق بۇيرۇقلىرىغا بىرەر ۋەزىرنىڭ ئىمزاسى قوشۇمچە قىلىنىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. ئەمەلىيەتتە، شۇنىڭدىن كېيىن تاكى ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە، ئىسپانىيىدە ئىككى ئاساسلىق پارتىيە ئالمىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان تۈزۈم ساقلىنىپ تۇرغان. 

ئىسپانىيە خەلق سېپى

  • ئىسپانىيە خەلق سېپى[يەشمىسى:]ئىسپانىيە خەلقىنىڭ فاشىستلارغا قارشى بىرلىك سەپ تەشكىلاتى. كوممۇنىستىك پارتىيە، ئىشچى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ سول قانىتى، ئىشچىلار بىرلەشمىسى باش ئۇيۇشمىسى ۋە باشقا بەزى سولچى پارتىيە ۋە تەشكىلاتلار قاتناشقان. 1936-يىلى 1-ئايدا تەشكىللەنگەن. 2-ئايدا پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. 

ئىسپانىيە سوتسىيالىست لېبورىستلار پارتىيىسى

  • ئىسپانىيە سوتسىيالىست لېبورىستلار پارتىيىسى[يەشمىسى:]1879-يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئىسپانىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى مادرىدتا قۇرغان. 1881-يىلدىن بۇرۇن قانۇنسىز ئورۇندا تۇرغان. 1886-يىلىئورگانژۇرنىلى— «سوتسىيالىستلار» نى نەشىر قىلغان.1888-يىلى تۇنجى قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ، پارتىيە پروگراممىسىنى ماقۇللاپ، ھاكىمىيەتنى ئەمگەكچىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوبوروت ۋاسىتىلىرىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1921-يىلى ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش بولغان.1923-يىلىدىن كېيىن پرىمودې رىۋېرا مۇستەبىت ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان. دې رىۋېرا ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ پارتىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر تەرەپتە تۇرۇپ، پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇش كۈرىشىگە قاتناشقان. 1936 — 1939-يىللىرى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، خەلق سېپىگە قاتناشقان، ۋەكىللىرى — لارگو كاباللېرو(Largo Caballero،1869— 1946) ۋە نېگرىن (Juan Neegrin، 1894 — 1956) ئىلگىرى-كېيىن خەلق سېپى ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى بولغان. 1939-يىلى 3-ئايدا مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئوڭ قانات باشلىقلىرى خەلق سېپى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇشقا ھەمدە جۇمھۇرىيەتنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا ۋاسىتىلىك سەۋەبچى بولغان سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقان. فرانكو مۇستەبىت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن پائالىيىتى مەنئى قىلىنغان. 

ئىسپانىيە شەھەر جامائەت قوزغىلىڭى

  • ئىسپانىيە شەھەر جامائەت قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]1520 — 1522-يىللىرى ئىسپانىيىنىڭ كاستىلىيە دېگەن يېرىدىكى شەھەر جامائەلىرىنىڭ كورۇل كارلوس Ⅰ نىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش قوزغىلىڭى. 1520-يىلى 6-ئايدا قوزغىلاڭ پارتلىغان.7ئاينىڭ29-كۈنى تولېدو (Toledo) شەھىرى باشچىلىقىدىكى بەزى شەھەرلەر ھەربىي خاراكتېرلىك ئىتتىپاق — «مۇقەددەس يىغىن» ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ مەركىزىنى ئاۋىلا (Avila) شەھىرىدە تەسىس قىلغان. قوزغىلاڭغا شەھەر ئاھالىلىرى، قول سانائەتچىلەر، دېھقانلار، ئاقسۆڭەك ۋە مىسسىئونېرلار قاتناشقان. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان پادىللا رەھبەرلىك قىلغان. قوزغىلاڭچىلار كارلوس Ⅰ (1519-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھلىقىغا سايلىنىپ، كارلوس Ⅴ دەپ ئاتالغان) نى ئىسپانىيىدە قېلىشنى؛ چەت ئەللىكلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە چېركاۋلاردا ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىلىرىنى بىكار قىلىشنى؛ پارلامېنتنىڭ ھوقۇقى ۋە شەھەرلەرنىڭ مۇختارىيەتلىك ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى؛ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سىرتقا چىقىرىشنى مەنئى قىلىشنى تەلەپ قىلغان. قوزغىلاڭ كاستىلىيىنى قاپلاپ كەتكەن. كېيىن قوزغىلاڭ بارغانسېرى دېموكراتىيە خاراكتېرنى ئالغانلىقتىن، ئاقسۆڭەكلەر يەنىلا كورۇل تەرەپكە ئۆتۈۋېلىپ، قوزغىلاڭنى بىللە باستۇرغان. 1521-يىل 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋىللالار (Villalar) ئۇرۇشىدا قوزغىلاڭچىلار يېڭىلىپ، پادىللا ئەسىرگە چۈشۈپ قۇربان بولغان. ئۇنىڭ ئايالى مارىيە پاچېكو (Maria Pacheco، ؟ — 1531) تولېدو شەھىرىنى شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 25-گىچە ساقلىغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولۇپ، ھەرقايسى شەھەرلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئەركىنلىك كورۇل تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان. 

ئىسپانىيە-ماراكەش ئۇرۇشى

  • ئىسپانىيە-ماراكەش ئۇرۇشى[يەشمىسى:]ئىسپانىيىنىڭ ماراكەشكە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى. 1859-يىلى 11-ئايدا ئىسپانىيە ماراكەشكە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، باش ۋەزىر ئودوننېل (Odonnell) يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننىڭ باش قوماندانى بولۇپ، 50 مىڭ كىشىلىك قوشۇن باشلاپ، سېئۇتادا قۇرۇقلۇققا چىققان. 1860-يىلى 2-ئايدا ئىسپانىيە ئارمىيىسى تېتۇئان (Tetuan) نى ئىگىلەپ،8-ئاينىڭ 26-كۈنى «تېتۇئان شەرتنامىسى» ئىمزالانغان؛ ماراكەش سېئۇتا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئىسپانىيىگە بۆلۈپ بەرگەن، 20 مىليون پېئاست تۆلەم تۆلىگەن، ئىسپانىيىنىڭ ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت دېگەن ئورۇندىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويغان، ئىسپانىيە پۇقرالىرىنىڭ ماراكەشتە مال-مۈلۈك ھوقۇقى بولۇش قاتارلىقلارنى ئېتىراپ قىلغان. 

ئىسپانىيە ماركى Spanish)

  • ئىسپانىيە ماركى Spanish)[يەشمىسى:] March ياكى Mark) ئىسپانىيە چېگرا رايونى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. غەربىي ياۋروپادىكى تارىخىي رايون نامى. مىلادى 778-يىلى فرانك كورۇلى چارلېس (يەنى ئىمپېراتور چارلېس) پىرېنېي تېغى بىلەن ئېبرو (Ebro) دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى رايونلارغا يۈرۈش قىلغان. مىلادى 795-يىلى بۇ يەردە ئىسپانىيە ماركىنى تەسىس قىلىپ، بارسېلونانى پايتەخت قىلغان (801). Ⅸ ئەسىردە مۇستەقىل مەمۇرىي رايونغا ئايلانغان. كېيىن بۇنىڭدىن بىرنەچچە بەگلىك بۆلۈنۈپ چىقىپ، بارسېلونا بەگلىكىنىڭ نامى چىققان. Ⅻ ئەسىردە، ئىسپانىيە ماركى دېگەن بۇ نام كاتولۇنا (Cataluna) غا ئۆزگەرتىلگەن. 

ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى

  • ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى[يەشمىسى:]1936 — 1939-يىللىرى ئىسپانىيە خەلقىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭ ۋە چەت ئەلنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسىگە قارشى مىللىي، دېموكراتىك ئىنقىلابىي ھەرىكىتى. 1936-يىلى 2-ئايدا ئىسپانىيە پارلامېنت سايلىمىدا خەلق سېپى يېڭىپ چىقىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىپ، بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. پادىشاھپەرەسلەر، چوڭ پومېشچىكلار، كاپىتالىستلار، يۇقىرى دەرىجىلىك روھانىيلار، ئۇزۇن مىلتىقلىقلار پارتىيىسىنىڭ مۇرىتلىرى ۋە ئەكسىيەتچىل ئوفىتسېرلار توپىلاڭ قىلىش قەستىدە بولغان. شۇ يىلى 7-ئايدا ئالدى بىلەن فرانكو قاتارلىقلار ماراكەشتە تۇرۇشلۇق مۇداپىئە قوشۇنىدىن پايدىلىنىپ، توپىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە توپىلاڭ تېزلىك بىلەن ھەممە يەرگە يامراپ كەتكەن. گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە فاشىستلىرى توپىلاڭغا پائال قاتنىشىپ، توپىلاڭچى قوشۇننى ماراكەشتىن ئىسپانىيىگە توشۇپ كېلىشكە ياردەملەشكەن، كېيىن يەنە مۇداخىلە قوشۇنى (گېرمانىيە ئارمىيىسى تەخمىنەن 50 مىڭ كىشى، ئىتالىيە ئارمىيىسى تەخمىنەن 150 مىڭ كىشى) ئەۋەتىپ، ئىسپانىيىدە توپىلاڭچى قوشۇنغا ياردەم بەرگەن. خەلقئارا تەرەققىيپەرۋەر كۈچلەر ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللاپ، خەلقئارا كالوننا تەشكىللەپ، ئىسپانىيە خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلغان. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە «ئارىلاشماسلىق سىياسىتى» نامى ئاستىدا، ئەمەلىيەتتە، ئىسپانىيە جۇمھۇرىيىتىنى قامال قىلغان. گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە توپىلاڭچى قوشۇنغا دائىملىق تۈردە كۆپلەپ ياردەم بەرگەنلىكتىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ پارتىيە، گۇرۇھلارنىڭ ئىختىلاپى بولۇپ، كۈچ ئاجىزلاپ كەتكەن. 1939-يىل 3-ئاينىڭ28-كۈنى مادرىد قولدىن كېتىپ، جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغان، فرانكونىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان. 

ئىسپانىيىدىكى 1868 — 1874-يىللاردىكى ئىنقىلاب

  • ئىسپانىيىدىكى 1868 — 1874-يىللاردىكى ئىنقىلاب[يەشمىسى:]ئىسپانىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى. كورۇلىۋا ئېسابىل Ⅱ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قەستىدە، بۇرژۇئازىيىنىڭ ھاكىمىيەتكە قاتنىشىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چەتكە قېقىپ، كەڭ نارازىلىقنى قوزغىغان. 1868-يىلى 9-ئايدا گادىس پورتىدىكى دېڭىز ئارمىيىسى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، ئۇزاق ئۆتمەي قوزغىلاڭ پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلاپ، كورۇلىۋانى ئىسپانىيىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان. چوڭ بۇرژۇئازىيە ۋە ئەركىنلەشتۈرگۈچى پومېشچىكلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئوڭ قانات لىبېرالىستلار پارتىيىسى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان. ئىككىنچى يىلى 6-ئايدا، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىپ، ئىسپانىيىنىڭ مونارخىيىلىك ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەت بولىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئەرلەرنىڭ ئومۇمىي سايلام ھوقۇقى بولىدىغانلىقىنى، ئېتىقاد، مەتبۇئات،يىغىلىش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكى بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. 1870-يىلى11-ئايدا، ئىتالىيە ساۋويىيە خاندانلىقىدىن ئامېدېئو (Amedeo، 1845 — 1900) نى كورۇل قىلىپ تىكلىگەن. لېكىن خەلق داۋاملىق كۈرەش قىلغان، كارلوس تەرەپدارلىرىمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 1872-يىلى يېڭىباشتىن ئۇرۇش باشلىغان، 1873-يىلى 2-ئايدا ئامېدېئو تەختنى بوشىتىشقا مەجبۇر بولغان، پارلامېنت ئىسپانىيە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدە بولىدۇ، دەپ جاكارلاپ، بۇرژۇئا جۇمھۇرىيەتچىلىرى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان. كېيىن ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپ ۋە لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، فېدېراتسىيە تۈزۈمىدىكى جۇمھۇرىيەت قۇرىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. 7-ئايدا فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلىدىغان «مۇرەسسە قىلمايدىغانلار» جايلاردا ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شتاتلىق ھۆكۈمەتلەرنى قۇرۇپ چىققان. 1874يىلى1-ئايدا، ئەكسىيەتچىل گېنېراللار سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، ھەربىي مۇستەبىتلىكنى يولغا قويۇپ، شتاتلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 12-ئايدا ئىسابېلنىڭ ئوغلى ئالفونسو Ⅻ كورۇل بولغان. ئىنقىلاب بۇرژۇئازىيە بىلەن فېئودال كۈچلەرنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشقان. 

ئىسپانىيىدىكى 1854 — 1856-يىللاردىكى ئىنقىلاب

  • ئىسپانىيىدىكى 1854 — 1856-يىللاردىكى ئىنقىلاب[يەشمىسى:]ئىسپانىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى. 1843-يىلىدىكى يەر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ تىرىلىش ھۆكۈمرانلىقى خەلقنىڭ كەڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1854-يىلى 6-ئايدا پايتەختتە تۇرۇشلۇق ئارمىيە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭچىلار خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، 7-ئايدا خىتابنامە ئېلان قىلىپ، پارلامېنت چاقىرىپ، باج-سېلىقنى ئازايتىپ، يەرلىك ئاپتونومىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە خەلق ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلغان. چوڭ شەھەرلەردە ئارقا-ئارقىدىن ئىنقىلابى ھوندالار قۇرۇلۇپ، كۈرەشنىڭ يۇقىرى دولقۇنى شەكىللەنگەن. كورۇلىۋا ئىسابېل Ⅱ ئېسپارتېرونى باش ۋەزىر قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 11-ئايدا، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى مادرىدتا چاقىرىلىپ، ئىككىنچى يىلى يېڭى ئاساسىي قانۇن ماقۇللانغان ھەمدە چېركاۋلارنىڭ بارلىق يەر مۈلكىنى سېتىۋېتىش توغرىسىدا پەرمان ئېلان قىلىنغان. 1856-يىلى ئەتىياز ۋە يازدا ئاندالوسىيە (Andalucia)، ئېستىرېمادۇرا (Estremadura)، ۋاللادولىد (Walladolid) دېھقانلىرى ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان.7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئودوننېل ئېسپارتېرونىڭ ئورنىغا باش ۋەزىر بولغان. ئۇ خەلق قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرۇپ، خەلق ئارمىيىسى ۋە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنى تارقىتىۋېتىپ، 1845-يىلىدىكى كونسېرۋاتىپ ئاساسىي قانۇن ۋە ئىنقىلابتىن ئىلگىرىكى باشقا قانۇنلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 

ئىسپانىيىدىكى 1808 — 1814-يىللاردىكى ئىنقىلاب

  • ئىسپانىيىدىكى 1808 — 1814-يىللاردىكى ئىنقىلاب[يەشمىسى:]ئىسپانىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە فېئودالىزمغا قارشى بۇرژۇئا ئىنقىلابى.1808-يىلى ناپولېئون Ⅰ ئىسپانىيىگە ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، ئىسپانىيە كورۇلى فېرناندوⅦ نى تۈرمىگە تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ئاكىسى جوسېف بوناپارتنى ئىسپانىيىگە كورۇل قىلىپ تىكلىگەن. ئىسپانىيە خەلقى ئارقا-ئارقىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، جايلاردا ئىلگىرى-كېيىن يېڭى يەرلىك ھاكىمىيەت — «ھوندا» نى قۇرۇپ چىققان. مەركىزىي ھوندا مۇشۇ يىلى 9-ئايدا قۇرۇلۇپ، گراف فلورىدا بلانكا (Florida bianca، 1728 — 1808) باشچىلىقىدىكى بۇرژۇئازىيە ۋە ئەركىنلەشتۈرگۈچى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھەربىي ھۆكۈمىتى تەشكىللەنگەن ھەمدە ئەنگلىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. لېكىن ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ سياسىتى خەلق ۋە فرانسىيىگە قارشى پارتىزانلار قوشۇنىنىڭ كەڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، بۇنىڭ بىلەن 1809-يىلى 10-ئايدا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنى چاقىرىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان ھەمدە ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەن. ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى 1810-يىلى 9-ئايدا لېئون ئارىلىدا ئېچىلىپ، ئىككىنچى يىلى گادىسقا يۆتكەلگەن، 1813-يىلى 3-ئايدا ئاساسىي قانۇننى(تارىختا «1812-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن» ياكى «گادىس ئاساسىي قانۇنى» دېيىلگەن) ماقۇللىغان. لېكىن 1814-يىلى فېرناندوⅦ تىرىلگەندىن كېيىن «1812-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن» بىكار قىلىنىپ، ئىنقىلاب مېۋىسى ئۈزۈل-كېسىل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. 

ئىسپانىيىدىكى 1834 — 1843يى-للاردىكى ئىنقىلاب

  • ئىسپانىيىدىكى 1834 — 1843يى-للاردىكى ئىنقىلاب[يەشمىسى:]ئىسپانىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى. 1833-يىلى كارلوس ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، نائىب كورۇلىۋا مارىيە كرىستىنا ئۇرۇشتا بۇرژۇئازىيىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، 1834-يىلى 1-ئايدا چوڭ بۇرژۇئازىيە ۋە ئەركىنلەشتۈرگۈچى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۆتىدىلچىلەرنى كابىنېت تەشكىل قىلىشقا تەيىنلەپ، 4-ئايدا «ئىسپانىيە پادىشاھلىقى ئاساسىي نىزامى نى جاكارلىغان. خەلق كونسېرۋاتىپ پادىشاھلىق ئاساسىي نىزام ۋە مۆتىدىلچىلەر ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە قانائەت قىلماي، 1835-يىلى جايلاردا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 9-ئايدا، ئوتتۇرا ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مېندىزابال كابىنېت تەشكىل قىلىپ، بىر مۇنچە زور ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان، لېكىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، نائىب كورۇلىۋانى 1836-يىلى 8-ئايدا «1812-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن» نى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلاشقا مەجبۇر قىلغان ھەمدە تەرەققىيپەرۋەرلەردىن بولغان كالاتراۋا (Jose Maria Clatrava، 1781 — 1847) نى كابىنېت تەشكىللەشكە تەيىنلەپ، 1820 — 1823-يىللىرىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە جاكارلانغان قانۇنلارنى يېڭىباشتىن يولغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنت چاقىرغان. 1837-يىلى پارلامېنت «1812-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن» بىلەن «پادىشاھلىق ئاساسىي نىزام» نى مادارا قىلىش ئارقىلىق پۈتۈپ چىققان يېڭى ئاساسىي قانۇننى ماقۇللىغان. يىل ئاخىرىدا، تەرەققىيپەرۋەرلەر يەنە ھۆكۈمەتتىن سىقىپ چىقىرىلغان. 1840-يىلى 10-ئايدا، كرىستىنا خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، نائىب ھاكىمىيەت ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ، مەملىكەتتىن چىقىپ كەتكەن. تەرەققىيپەرۋەر گېنېرال ئېسپارتېرو باش ۋەزىر بولغان، ئىككىنچى يىلى 5-ئايدا نائىب بولۇپ سايلانغان. 1843-يىلى 7-ئايدا، مۆتىدىلچىلەرنىڭ باشلىقى نارۋائېز ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ھاكىمىيەت يەر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىپ، ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغان. 

ئىسپانىيىدىكى 1820 — 1823-يىللاردىكى ئىنقىلاب

  • ئىسپانىيىدىكى 1820 — 1823-يىللاردىكى ئىنقىلاب[يەشمىسى:]ئىسپانىيىنىڭ فېئودالىزمغا قارشى بۇرژۇئا ئىنقىلابى. 1814-يىلى فېرناندو Ⅶ تىرىلگەندىن كېيىن، «1812-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن» نى ۋە گادىس پارلامېنتىنىڭ بارلىق ئىسلاھات پەرمانلىرىنى بىكار قىلىپ، مۇستەبىت تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھەرقايسى تەبىقىدىكى خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1820-يىلى 1-ئايدا رىئېگو (Riego) قوزغىلىڭى پارتلاپ، مەملىكەت بويىچە ئىنقىلابنىڭ يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. 3-ئايدا فېرناندو Ⅶ«1812-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن» نى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان ھەمدە چوڭ بۇرژۇئازىيە ۋە ئەركىنلەشتۈرگۈچى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۆتىدىلچى لىبېرالىستلار پارتىيىسىنى ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە تەيىنلىگەن، 7-ئايدا مۆتىدىلچىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن پارلامېنت يىغىنى ئېچىلىپ، كېيىن فېئوداللىققا قارشى بىرقاتار ئىسلاھات پەرمانلىرى ماقۇللانغان. لېكىن فېئوداللىق يەر مۈلۈكچىلىكىگە چېقىلمىغان. 1822-يىلى 8-ئايدا، ھاكىمىيەت ئوتتۇرا ۋە كىچىك بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رادىكاللارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن، لېكىن رادىكاللار ھۆكۈمىتىمۇ يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بارمىغان. 1823-يىلى 4-ئايدا، فرانسىيە قوشۇنى مۇقەددەس ئىتتىپاق شەرتنامىسىگە ئاساسەن ئىسپانىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ئىنقىلابنى باستۇرغان، 5-ئايدا مادرىدقا بېسىپ كىرىپ، ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغان. فېرناندو Ⅶ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئىنقىلاب مەزگىلىدە جاكارلانغان بارلىقئەمىر-پەرمانلارنى بىكار قىلغان. 

ئىسپانىيىنىڭ 1812-يىلدىكى ئاساسىي قانۇنى

  • ئىسپانىيىنىڭ 1812-يىلدىكى ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:] 1812-يىلىئىسپانىيىنىڭ گادىس پارلامېنتىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئاساسىي قانۇن. 1808-يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى ئىسپانىيىگە بېسىپ كىرىپ، ئۇنىڭ زور كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئىشغال قىلغان. 1810-يىلى 9-ئايدا لېئون ئارىلىدا چاقىرىلغان ئىسپانىيە پارلامېنتى 2-يىلى 2-ئايدا گادىسقا يۆتكەلگەن. 1812-يىلى 3-ئايدا، پارلامېنت ئاساسىي قانۇننى ماقۇللىغان. ئاساسىي قانۇن جەمئىي 334 ماددا بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقىنىڭ دۆلەت پۇقرالىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ھەمدە ئىسپانىيە مونارخىيىلىك ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەت بولىدۇ، پارلامېنت بىر پالاتالىق بولۇپ، ھەر ئىككى يىلدا ئەرلەرنىڭ ئومۇمىي سايلام ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ سايلىنىدۇ؛ كورۇلنىڭ پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ ۋەزىرلەر پارلامېنت ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ؛ دېموكراتىك يەرلىك مۇختارىيەت يولغا قويۇلىدۇ؛ پروگرىسسىيىلىك ئۆسۈپ بارىدىغان باج، مەمۇرىي مائارىپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ھەربىي خىزمەت ئۆتەش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ؛ دىنىي ھۆكۈم قىلىش مەھكىمىلىرى، ئىچكى جايلاردىن چېگرا بېجى ئېلىش، چېركاۋلارنىڭ ئۆشرە-زاكات ئېلىشى ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بەزى فېئوداللىق ئىمتىيازلىرى بىكار قىلىنىدۇ؛ كاتولىك دىنىنى دۆلەت دىنى ۋە بىردىنبىر رۇخسەت قىلىنىدىغان دىن قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بىكار قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. كېيىن فېرناندو Ⅶ تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان. 

ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى

  • ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى[يەشمىسى:] 1701 — 1714-يىللىرى، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىسپانىيە ۋە ئۇنىڭ مۇستەملىكىلىرى ھەمدە دېڭىزدا زومىگەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇرۇش. ئىسپانىيە كورۇلى كارلوس Ⅱ (CarlosⅡ، 1661 — 1700) ئۆلگەندىن كېيىن ۋارىسسىز قالغان. فرانسىيە پادىشاھى لۇئىⅩⅣ، ئاۋسترىيە كورۇلى لېئوپولد Ⅰ باۋارىيىنىڭ پادىشاھ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان كىنەزى فېردىناد (Joseph Ferdinand، ؟ — 1699) پادىشاھلىق تەختىنى تالاشقان. ئىسپانىيە كورۇلى كارلوس Ⅱ ئىمپېرىيىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ۋەسىيەت قالدۇرۇپ، فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅩⅣ نىڭ نەۋرىسى، ئانجو گرافى فىلىپ(Phlippe، 1683— 1746) نى ئۆزىنىڭ بىردىنبىر ۋارىسى قىلىپ بېكىتكەن،لېكىن ئىسپانىيە بىلەن فرانسىيىنى بىرلەشتۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. فرانسىيە كورۇلى نەۋرىسى فىلىپنى ئىسپانىيە كورۇلى دەپ جاكارلاپ، فىلىپ Ⅴ دەپ ئاتاپ ھەمدە ئالاھىدە يارلىق چۈشۈرۈپ، فىلىپنىڭ فرانسىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئەنگلىيە بىلەن گوللاندىيە دەرھال فرانسىيىگە قارشى ئاۋسترىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. مەزكۇر ئىتتىپاققا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پرۇسسىيە، گېرمانىيە بەگلىكلىرى، پورتۇگالىيە ۋە ساۋويىيە قاتناشقان. فىلىپنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئىسپانىيە ھەمدە باۋارىيە ۋە كيولىندىكى كورۇل سايلىمىغا قاتنىشىدىغان ئىككى كىنەز فرانسىيە تەرەپتە تۇرغان. ئۇرۇش 1701-يىلى 3-ئايدا پارتلاپ، ئاساسەن ئىتالىيە، نىدېرلاندىيە، گېرمانىيە ۋە ئىسپانىيىدە ئېلىپ بېرىلغان. ئامېرىكا قىتئەسىدە كورۇلىۋا ئاننې ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان. فرانسىيە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىمۇ لېكىن تولۇق مەغلۇپ بولمىغان. 1711-يىلى ئاۋسترىيە باش كىنەزى كارل قېرىندىشى ئۆلۈپ كەتكەچكە، ئاۋسترىيىنىڭ خانلىق تەختى ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ كارل Ⅵ دەپ ئاتالغان. ئەنگلىيە بىلەن گوللاندىيە ئۇنىڭ ئىسپانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولۇۋېلىشىنى قوللاشنى خالىماي، فرانسىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنى جىددىيلەشتۈرگەن ھەمدە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى سۈلھ تۈزۈشكە دەۋەت قىلغان. 1730-يىلى «ئۇترېخت سۈلھ شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ، ئىككىنچى يىلى ئۇرۇش ئاياغلاشقان. ئەنگلىيە دېڭىز ئۈستىدىكى ۋە مۇستەملىكىلەردىكى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتكەن، فرانسىيىنىڭ تەسىر كۈچى ئاجىزلاشتۇرۇلغان. 

ئىستانبول قوزغىلىڭى

  • ئىستانبول قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] 1730 — 1731-يىللىرى تۈركىيە ئىستانبول خەلقىنىڭ فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. پاترونا خەلىل (Patrona Halil، ؟ — 1730) رەھبەرلىك قىلغانلىقتىن، پاترونا خەلىل قوزغىلىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شەھەر ئاھالىلىرى، قول سانائەتچىلەر ۋە گۋاردىستلار قاتنىشىپ، سۇلتان ئەخمەدⅢ(AhmedⅢ، 1673 — 1736) نى باش ۋەزىرنى ئۆلتۈرۈشكە ۋە تەختنى بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇرقىلىپ،مەھمۇدⅠ(MahmūdⅠ،1696— 1754) نى سۇلتان قىلىپ تىكلىگەن. 11-ئايدا يېڭى سۇلتان خەلىلنى ئۆلتۈرۈپ، قوزغىلاڭنى باستۇرغان. 1731-يىلى 3-، 4-ئايلاردا بىر بۆلەك گۋاردىستلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ، غەلىبە قىلالمىغان. 

ئىستاھر

  • ئىستاھر[يەشمىسى:]-al Islakhri) مىلادى Ⅹ ئەسىردىكى ئەرەب جۇغراپىيونى، ئىراننىڭ ئىستەھر (Istakhr يەنى پېرىسېپولىس) دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئىران، شىمالىي ئافرىقا، سىتسىلىيە ئارىلى ۋە ئىسپانىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ساياھەت قىلغان، ئۆزىنىڭ كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ۋە ھۈججەت ماتېرىياللارغا ئاساسەن، تەخمىنەن 950-يىلى «بەگلىكلەر تەزكىرىسى» نى يازغان ھەمدە بۇنىڭغا جايلارنىڭ رەڭلىك خەرىتىسىنى قوشۇمچە قىلغان. كېيىن، زامانداش ئەرەب جۇغراپىيۇنى ئىبنى قاۋقال (Ibn Khawqal) بۇ كىتابنى تۈزىتىپ بېكىتكەن ۋە ئۆز نامىدا ئېلان قىلغان. كىتاب نامىنى «بەگلىكلەر، يوللار ۋە ئۆلكىلەر»دەپ ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭغا ھىندىستاندىن ئىسپانىيىگىچە بولغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىياسىي ۋە جۇغراپىيىۋى ئەھۋالىنى كىرگۈزگەن، بۇ ناھايىتى قىممەتلىك كىتابتۇر. 

ئىستورىئوگرافىيە

  • ئىستورىئوگرافىيە[يەشمىسى:]تارىخشۇناسلىق تارىخىي تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى. تارىخنامىلەرنىڭ ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، مۇكەممەلسىزلىكتىن بارا-بارا مۇكەممەللىككە يۈزلىنىش جەريانى. بايان ژانىرلىرىنىڭ تارىخىي داستانلاردىن نەسرىي ئەسەرلەرگە ئۆتۈشى، ستىلىستىكا جەھەتتە دەبدەبىلىك ئىبارە-جۈملىلەرنى ئىشلىتىشتىن ئاددىي-ساددا بايان قىلىشقا ئۆزگىرىشى، تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ تېخنىكىسى، تەشكىلىي رەھبەرلىك جەھەتلەرنىڭ كۈنسېرى ئالغا بېسىشى ۋە ياخشىلىنىشى قاتارلىق مەزمۇنلار ئىستورىئوگرافىيىنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات دائىرىسىگە كىرىدۇ. مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ مەنىسى غەرب ئەللىرى يېزىقلىرىدا كۆپىنچە تارىخشۇناسلىق تارىخى بىلەن ئوخشاش ئېلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىنگلىزچىدە Historigraphe، رۇسچىدا Историотрафия ، فرانسۇزچىدا Historiographe، نېمىسچىدا Historiographie دەپ يېزىلىدۇ. 

ئىستورىزم

  • ئىستورىزم[يەشمىسى:] تارىخنى تەتقىق قىلىشتىكى نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇل. بۇرژۇ-ئازىيىچە ئىستورىزم ۋە ماركسىزمچە ئىستورىزم دەپ ئايرىلىدۇ. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىتالىيىلىك ۋىكو، فرانسىيىلىك روسسو، گېرمانىيىلىك خېردېر قاتارلىقلارنىڭ راتسىئونالىزمغا بولغان تەنقىدلىرىدە بۇرژۇئازىيىچە ئىستورىزمنىڭ بىخلىرى شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ ئىدىيىۋى سىستېمىسىنى ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ⅪⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا قارشى تۇرۇش ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ئەنگلىيىلىك بۇكل، گېرمانىيىلىك خۇگو، ساۋىگنىي، گېگېل ھەم رانىكلار شەكىللەندۈرگەن. ئاساسلىقى ئىنسانىيەت تارىخى ھەم ئۇنىڭ ھەرخىل ئىپادىلىرى (مەسىلەن:تۈزۈم، مەدەنىيەت قاتارلىقلار) بىر تەبىئىي ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانى بولۇپ، كېيىنكى دەۋر ئالدىنقى دەۋرگە ۋارىسلىق قىلغان بولىدۇ، ھازىرقى زامان تەرەققىيات جەريانىنىڭ پەللىسى؛ ھەرقايسى دەۋر، مىللەت، دۆلەت ھەتتا شەخسلەرنىڭ ھەممىسى تارىخىي شارائىت ياكى ئۆزىنىڭ خاس خاراكتېرىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىنى ۋە قىممىتىنى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن ئورتاق قانۇنىيەت مەۋجۇت ئەمەس؛ بارلىق تارىخىي شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى «مەۋجۇتلۇق سەۋەبى» گە ئىگە، تارىخقا قاراشتا پەقەت «ھېسداشلىق»، «چۈشىنىش»، «ئوبيېكتىپ» پوزىتسىيىدە بولۇپ «ئەينەن بايان قىلىش، باھا قوشماسلىق كېرەك» دېگەنلەردىن ئىبارەت. ماركس ۋە ئېنگېلس بۇرژۇئاچە ئىستورىزمغا تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىپ ھەمدە ئىنقىلابىي ئىسلاھ قىلىپ، ئىلمىي ئىستورىزمنى شەكىللەندۈردى. ئاساسلىقى: ئىنسانىيەت تارىخىنى تارىخىي ماتېرىيالىزملىق ئۇسۇل بىلەن تەھلىل قىلىپ، تارىخىي شەيئىلەرنىڭ (تۈزۈم، ئىدىيە، شەخس، ۋەقەلىك قاتارلىقلار) ھەممىسى بەلگىلىك تارىخىي شارائىت ئاستىدا ھاسىل بولىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ؛ كىشىلەر ھەرقانداق شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى كۆزەتكەندە ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلغاندا ئۇنىڭ ھاسىل بولغان ۋە تەرەققىياتتا تايانغان كونكرېت تارىخىي شارائىتىنى چىقىش قىلىشى كېرەك، مەسىلەن: تارىخىي ۋەقە ھەم تارىخىي شەخسلەرگە باھا بەرگەندە ھازىرقى تەلەپنى ئۆلچەم قىلماسلىق، رېئال مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلغاندىمۇ سۇبيېكتىپ ئارزۇنى ئاساس قىلماستىن، بەلكى كونكرېت ۋاقىت، ئورۇن ۋە شارائىتقا قاراپ، كونكرېت تەھلىل قىلىش لازىم دەپ قارىغان، ماركسىزملىق ئىستورىزم تارىخنى ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ ۋە توغرا تونۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

ئىستېمال

  • ئىستېمال[يەشمىسى:] ئىجتىمائىي مەھسۇلاتلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئىستېمالى ۋە شەخسىي ئىستېمالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئىستېمالى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى، خام ئەشيا ۋە يېقىلغۇ قاتارلىقلارنىڭ سەرپىياتىنى كۆرسىتىدۇ، يەنىلا ئىشلەپچىقىرىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. شەخسىي ئىستېمال كىشىلەرنىڭ شەخسەن ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىجتىمائىي مەھسۇلاتلارنى سەرپ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنىڭ زۆرۈر شەرتى ۋە ئالدىنقى شەرتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە ئېيتىلىدىغان ئىستېمال كېيىنكىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئىستېمال ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بەلگىلىنىدۇ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى قارىمۇ قارشىلىق — بىرلىك مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت. بىرلىك ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەمگەك كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىستېمالى جەريانىدا ئىپادىلىنىدۇ، شەخسىي ئىستېمال جەريانى ئەينى ۋاقىتتا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەكرار ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانى بولىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمال بىر-بىرىگە بېقىنىدۇ، بىر-بىرىنى شەرت قىلىدۇ، شۇنداقلا مۇئەييەن شارائىتتا بىر-بىرىگە ئايلىنىدۇ، يەنى بىر-بىرىنىڭ قارشى تەرىپىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭدىكى زىددىيەت ۋە قارىمۇ قارشىلىق ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەتتە ئوخشاش بولمىغان خاراكتېرگە ۋە ئىپادىلىنىش شەكلىگە ئىگە بولىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمالنىڭ ئايرىلىپ قېلىشى ۋە ئانتاگونىيىلىكى كاپىتالىزمنىڭ ئىقتىسادىي كرىزىسىدا ئەڭ روشەن مەلۇم بولىدۇ. سوتسىيالىزم جەمئىيىتى پىلانلىق ئىگىلىك بىلەن تاۋار ئىگىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمال ئوتتۇرىسىدىكى ئانتاگونىيىلىك زىددىيەتنى يېڭىپ، خەلقنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مەقسىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. 

ئىسدۇر (سېۋىلىيىلىك)

  • ئىسدۇر (سېۋىلىيىلىك)[يەشمىسى:]Isidiros Hispalensis، تەخمىنەن 560 — 636) ئىسپانىيە كاتولىك ئالىمى. مىلادى 601-يىلى سېۋىلىيىگە ئېپىسكوپ بولغان. 20 توملۇق «ئېتمولوگىيە»دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئېنسكلوپېدىيە ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا «گوت، ۋاندال ۋە سۇئېۋى پادىشاھلىقلىرىنىڭ تارىخى»دېگەن ئەسىرى چوڭ ۋەقەلەر تەزكىرىسى ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇنىڭدا غەربىي گوتلار، ۋانداللار ۋە سۇئېۋىلارنىڭ كۆچۈش ۋە دۆلەت قۇرۇشتىكى قىسقىچە جەريانى خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭ ئىلاھىيەت ھەققىدىكى بايانلىرىنى كاتولىك چېركاۋلىرى كلاسسىك ئەسەر دەپ قارايدۇ. Ⅸ ئەسىردە كاتولىك چېركاۋلىرى ئۇنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ، «ساختا ئىسسىدور دىنىي ئەمر-پەرمانلار توپلىمى» تۈزۈپ چىققان. 

ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقى

  • ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] پەلەستىننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قەدىمكى خانلىق. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە يېۋرىيلار پەلەستىنگە كېلىپ، شۇ يەردىكى يەرلىك خەلق — كەنئانلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇشقان. يېۋرىيلارنىڭ شىمالى پەلەستىن رايونىدا ئون قەبىلىسى (جەنۇبى يەھۇدىي رايونىدا ئىككى قەبىلىسى)بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىر بىلەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ ئەسىر ئارىلىقىدا، ئىسرائىلىيە خانى سارۇ، يەھۇدىيلار خانى داۋىد ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ھەرقايسى قەبىلىلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ پەلەستىنلىكلەرگە زەربە بەرگەن. داۋىد بىلەن سۇلايمان قۇرغان ھەمدە جەنۇب بىلەن شىمال بىرلىككە كەلگەن ئىسرائىلىيە — يەھۇدىي خانلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 935 يىل ئىلگىرى، خانلىق بۆلۈنگەن؛ جىروبوئام (Jeroboam) ئەسكەر باشلاپ، مىسىرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ شىمالىي قىسىمدا ئىسرائىلىيىگە ئۆزى خان بولغان، جەنۇبىي قىسىمدا رىخۇبوئام (Rehoboam) يەھۇدىيلار خانى بولغان. ئومرى (Omri) خاندانلىقى مەزگىلىدە دۆلىتى روناق تېپىپ، سامارىيىنى پايتەخت قىلغان، ماگاتلار ھەمدە دەمەشقتىكى سۈرىيە بەگلىكلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. مىلادىدىن 722 يىل ئىلگىرى ئاسۇرىيە خانى سارگون Ⅱ سامارىيىنى ھۇجۇم بىلەن بېسىۋېلىپ، ئىسرائىلىيە خانلىقىنى يوقىتىپ، زور كۆپچىلىك ئاھالىسىنى باشقا شەھەرلەرگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇرلاپ، خانلىقنىڭ زېمىنىنى ئاسۇرىيە زېمىنىغا قوشۇۋالغان. «يەھۇدىي خانلىقى»غا قارالسۇن. 

ئىسسىز كۆمۈركان ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى

  • ئىسسىز كۆمۈركان ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى[يەشمىسى:] 1902-يىلى 5-ئايدا، ئامېرىكا كان ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى 150 مىڭ نەپەر ئىسسىز كۆمۈركان ئىشچىسىنىڭ ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى، ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىشنى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇش ھوقۇقى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە توشۇش دەرھال پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. 10-ئايدا، تىئودور روزۋېلت زۇڭتۇڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، قوشۇن ئەۋەتىپ كۆمۈر كانلىرىنى ئۆتكۈزۈۋالماقچى بولغان، كېيىن تالاش-تارتىشنى كېسىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان بىر كومىتېت تەيىنلەپ ياراشتۇرۇشقا مەسئۇل قىلغان. كېيىنكى يىلى 3-ئايدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، كومىتېت ئىش ھەققىنى 01% كۆپەيتىشكە ۋە باشقا تەلەپلەرگە ماقۇل بولغان. لېكىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورنىنى ئېتىراپ قىلماسلىقتا چىڭ تۇرغان. 

ئىسكەندەر بىي

  • ئىسكەندەر بىي[يەشمىسى:]Skanderbeg، تەخمىنەن 1405 — 1468)، ئەسلى ئىسمى گېئورگې كاستروتى (George Castrioti). ئالبانىيىنىڭ مىللىي قەھرىمانى. كاستروتى جەمەتىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، دادىسى ئالبانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر كىنەز. ئالبانىيە ⅩⅤ ئەسىرنىڭ 20 — 30-يىللىرى تۈركىيە تەرىپىدىن بېقىندۇرۇلغان. گېئورگې تەخمىنەن 1423-يىلى گۆرۈگە ئېلىنغان ئادەم سۈپىتىدە تۈركىيە سۇلتانىنىڭ ئوردىسىغا ئەۋەتىلگەن ، ئۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، ئىسمىنى ئىسلام دىنىدىكى ئىسىم ئىسكەندەر (Iskande)گە ئۆزگەرتكەن، كېيىن يەنە تۈركىيە قوشۇنىدا خىزمەت قىلىپ «بەگ» (beg) دەپ نام ئالغان، شۇنىڭ بىلەن ئىسكەندەر بەگ دەپ ئاتالغان. 1443-يىلى 300 نەپەر ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئالبانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قورغان كرۇيە (Kruie) نى ئىشغال قىلغان. خەلق ئاممىسى ۋە ھەرقايسى جايلارنىڭ كىنەزلىرى ئۇنىڭغا كەينى-كەينىدىن ئاۋاز قوشقان. 1444-يىلى جايلارنىڭ كىنەزلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، «ئالبانىيە ئىتتىپاقى» نى قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى 20 نەچچە يىلدا، ئۇ ئالبانىيە خەلقى ۋە قوشۇنىغا رەھبەرلىك قىلىپ، تۈركىيە سۇلتانى مۇرات Ⅱ بىلەن مۇھەممەد Ⅱ نى بىرقانچە قېتىم،يەنى1444، 1448-، 1450-، 1457-ۋە1466—1467-يىللىرى مەغلۇپ قىلغان. ئىسكەندەر بەگ رەھبەرلىك قىلغان ئالبانىيە خەلقىنىڭ تۈركىيىگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش كۈرىشى، ۋېنگرىيە قاتارلىق ئەللەر خەلقلىرىنىڭ تۈركىيىلىكلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى، كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى كۈرىشىگە كۈچلۈك ياردەم بەرگەن. 

ئىسكراچىلار

  • ئىسكراچىلار[يەشمىسى:] كونا ئىسكراچىلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ لېنىن رەھبەرلىك قىلغان مەزگىلدە نەشىر قىلىنغان «ئىسكرا»گېزىتى (51-ساندىن ئىلگىرىكىسى) دىكى ماركسىزملىق لۇشيەننى ھىمايە قىلغان ئىنقىلابچىلارنى كۆرسىتىدۇ. «ئىسكرا»گېزىتى ماركسىزمنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ئاغمىچىلىققا قارشى تۇرۇپ،پارتىيە قۇرۇشقا ئائىت يېتەكچى خاراكتېردىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. شۇ ئارقىلىق تارقاق ھالەتتە تۇرغان ماركسىزمچى تەشكىلاتلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيىۋى ۋە تەشكىلىي جەھەتتە، روسىيە پرولېتارىيات ئىنقىلابىي پارتىيىسىنى قۇرۇشتا غايەت زور رول ئوينىغان ئىسكراچىلارنىڭ كۆپ قىسمى كېيىن بولشېۋىكلاردىن بولۇپ قالغان. 

ئىسكىلوس

  • ئىسكىلوس[يەشمىسى:]Aischlos ياكى Aeschylus، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 525 — 456). قەدىمكى يۇناندىكى ئۈچ چوڭ تراگېدىيە يازغۇچىسىنىڭ بىرى، «تراگېدىيە پىرى»دېگەن نامى بار. ئاتتىكا (ئافىنا)دىكى ئېلېئۇسسىدا (Eleusis) تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئېئۇپورىئوندا (Euphorion) روھانىي ئەمەلدار بولغان. يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشىدا مارافون جېڭى (مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى) ۋە سالامى جېڭى (مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى) گە قاتنىشىپ، شۆھرەت قازانغان. پۇقرالار ئابىدىسىگە ئۇنىڭ ئىسمى ئويۇلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ 90 سەھنە ئەسىرى يازغان (70 دېگەن گەپمۇ بار)، ھازىر ساقلانغان تولۇقراق تراگېدىيىسى يەتتە؛ ئافىنادىكى تىياتىر مۇسابىقىسىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئون نەچچە قېتىم مۇكاپاتلانغان. «باغلانغان پرومېتېي» دېگەن ئەسىرىدە پرومېتېينىڭ باش خۇدا زېۋىسنىڭ زالىملىقىدىن قورقماي ئىلاھىي ئوتنى ئوغرىلاپ ئىنسانلارغا بېرىپ، رىيازەت چەككەنلىك ھېكايىسى ئارقىلىق، ئافىنادىكى ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرغانلىقىنى مەدھىيىلىگەن. «پارسلار»دېگەن ئەسىرىدە يۇنان پۇقرالىرىنىڭ پېرسىيە تاجاۋۇزىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن كۈرەش ئىرادىسى ۋە باتۇرلۇق، پىداكارلىق روھىنى ئىپادىلىگەن ۋە مەدھىيىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا «ئاگامېمنون»، «ھاراق ئىلاھى»، «قىساس ئىلاھى » (ئۈچى قوشۇلۇپ «ئورېستېس ترىلوگىيىسى» دەپ ئاتىلىدۇ)، «يەتتە قەھرىماننىڭ تېبېسقا ھۇجۇم قىلىشى»ۋە «تىلەمچى ئايال» دېگەن ئەسەرلىرىدە يۇنان تراگېدىيىسىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى تەرەققىيات قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.ۋەقەلىكى ئومۇمەن بىر قەدەر ئاددىي، ئادەملەرنىڭ خاراكتېرىمۇ ئانچە گەۋدىلىك ئەمەس،لېكىن تىلى جانلىق، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە، ئەپسانىلەردىكى ماتېرىياللاردىن ئېلىنغان ۋە ئۇنىڭغا چوڭقۇر مەنە بېرىلگەن. ئۇنىڭ تراگېدىيىسىدە تەڭلا سەھنىگە چىقىدىغان ئارتىس بىردىن ئىككىگە كۆپەيتىلگەن، خور ئەترىتىنىڭ ناخشىسى ئازايتىلىپ، ئارتىسلار ئارىسىدىكى دىئالوگ كۆپەيتىلگەن، شۇنىڭدەك كىيىم ۋە سەھنە قوراللىرى قوشۇلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىپتىدائىي «ئىلاھنى مەدھىيىلەيدىغان ناخشا-ئۇسسۇل» تۈسىدىن ئاستا-ئاستا قۇتۇلۇپ، بارغانسېرى تىياتىر شەكلىگە كىرگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا سىتسىلىيىگە زىيارەتكە بېرىپ (ئىككىنچى قېتىم)، شۇ يەردە ئۆلۈپ قالغان. 

ئىسلاز خىتابنامىسى

  • ئىسلاز خىتابنامىسى[يەشمىسى:] رۇمىنىيىنىڭ ئىنقىلابىي ھۈججىتى. 1848-يىل 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىسلاز (Islaz) نىڭ يېنىدىكى «قايتا گۈللەنگەن باياۋان»دا چاقىرىلغان خەلق چوڭ يىغىنىدا يون ھېلىيادى رادۇلىسكۇ (Radulescu-Ion Heliade) يىغىنىغا قاتناشقان دېھقانلار، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ھەربىيلەرگە ئوقۇپ بەرگەن. قانۇن ئالدىدا بارلىق پۇقرالارنىڭ باراۋەر بولىدىغانلىقى، فېئوداللىق ئۇنۋان ۋە دەرىجە بىكار قىلىنىدىغانلىقى،جاۋابكار كابىنېت قۇرۇلۇپ، مەتبۇئات، سۆز،يىغىلىش ئەركىنلىكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقى، دارامەتكە قاراپ ئېشىپ بارىدىغان تاپاۋەت بېجى يولغا قويۇلىدىغانلىقى، 12 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەربىيە ئالىدىغانلىقى جاكارلانغان. خىتابنامە ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن. 

ئىسلام دىنى

  • ئىسلام دىنى[يەشمىسى:] دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ بىرى. مىلادى Ⅶ ئەسىردە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا مەيدانغا كەلگەن دىنىي ئېتىقاد، بىر خۇدالىق دىن. خەنزۇچە يېزىقلاردا«回教»، «回回教»، «清真教»، «كەبە دىنى» دەپ ئاتالغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. ئىسلام ئەرەب تىلىدىكى Islam نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، «ئىتائەت قىلىش»دېگەن مەنىدە. ئىسلام دىنى مۇرىتلىرى «مۇسۇلمانلار» (Muslim) دېيىلىدۇ. بۇ«ئىتائەت قىلغۇچى،ئاللاغا ئېتىقاد قىلغۇچى، پەيغەمبەرگە بويسۇنغۇچى بەندە» دېگەن مەنىدە. ئىسلام دىنىنىڭ مەيدانغا كېلىشى شۇ چاغدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئىپتىدائىي جامائەنىڭ پارچىلىنىشىدىن سىنىپىي جەمئىيەتكە ئۆتۈپ، سىياسىي بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىشتەك ئارزۇلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى ئىنكاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 610-يىلى، مۇھەممەد پەيغەمبەر يەھۇدىي دىنى ۋە خرىستىئان دىنىنىڭ بىر خۇدالىق ئىدىيىسىنى ھەمدە «ھەنىف» (Hanif، «ئەنئەنە» دېگەن مەنىدە)« ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، مەككە شەھىرىدە ئىسلام دىنىنى تەرغىپ قىلىشنى باشلىغان. دەسلىپىدە مەككىدىكى ئاقسۆڭەك ۋە باي سودىگەرلەر مەزكۇر دىننىڭ تارقىتىلىشى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ئەندىشە قىلىپ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ دىن تارقىلىشىنىڭ پائالىيىتىگە قارشى تۇرغان ھەم ئۇنىڭ مۇرىتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلغان. 622-يىلى، مۇھەممەد پەيغەمبەر مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، بۇ يەردە تۇنجى ئىسلام دىنى ئىلاھ ھاكىمىيىتى دۆلىتىنى قۇرغان. دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىسلام دىنى خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە تەبىقە تۈزۈمىنى قوغدىغان، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلمىغان. لېكىن قانداش تۇغقانلارنىڭ قىساس ئېلىشىنى بىكار قىلىشنى، جازانىخورلۇق ئېكسپىلاتاتسىيىسىنى چەكلەشنى، نامراتلارغا يار-يۆلەك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، تارىخ تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا مەلۇم دەرىجىدە ماسلىشىپ، سىنىپىي زىددىيەتنى پەسەيتىپ، تارىخىي ئىلغارلىققا ئىگە بولغان. لېكىن ئەرەبلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىستېلا قىلىشى ۋە سىرتقا قاراپ كېڭىيىشى، فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىسلام دىنى ئەرەب ئىمپېرىيىسى ۋە كېيىنكى ئوسمان ئىمپېرىيىسى قاتارلىق دىن بىلەن ھاكىمىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن فېئوداللىق دۆلەتلەرنىڭ مەنىۋى ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويۇشتىكى قورالىغا ئايلىنىپ قالغان، شۇنداقلا ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپادىكى كەڭ رايونلارغا تارقىلىپ، دۇنياۋى خاراكتېرلىك دىنغا ئايلانغان. ئەڭ ئالىي كىتابى «قۇرئان»دۇر، بۇنىڭدىن باشقا «ھەدىس»قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلىرىمۇ بار. ئاساسلىق دىنىي ئەقىدىسى: ئاللا — بىردىنبىر خۇدا، مۇھەممەد ئاللانىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش، «قۇرئان» ئاللانىڭ «ۋەھىسى»ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش؛ دۇنيادىكى جىمىكى شەيئىلەرنى ئاللا «ئالدىن بەلگىلەيدىغانلىقى»غا ئىشىنىش ھەمدە «ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش»، «مەھشەرگاھتىكى سوراق» قا ئىشىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىنىپىي كۈرەشنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، مەزكۇر دىندا بىرمۇنچە مەزھەپلەر مەيدانغا كەلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە تەسىرى ئەڭ چوڭلىرى سۈننى مەزھىپى، شىئە مەزھىپى ۋە خاۋارىجلارمەزھىپىدۇر. جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمى سۈننى مەزھىپىگە تەۋە بولۇپ، دىنىي ئىلىم جەھەتتە ھەنەفىيە (Hanafiyah) ئېقىمىنى يولغا قويىدۇ. 

ئىسلامدىنى ئىتتىپاقى

  • ئىسلامدىنى ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] يەنى «پۈتۈن ھىندۇنېزىيە مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى». ھىندۇنېزىيىنىڭ تۇنجى بۇرژۇئا مىللەتچى سىياسىي تەشكىلاتى. 1912-يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ تەكتى 1911-يىلى قۇرۇلغان ئىسلام سودا ئىتتىپاقى بولۇپ، بۇ تەشكىلاتقا توجۇكرو ئامىنوتو (Tojokro Aminoto Umar Said) ئاساس سالغان. دەسلىپىدە مىللىي كارخانىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشنى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ۋە ماددىي جەھەتتىكى پاراۋانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىسلام دىنىنى جانلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە «ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھۆكۈمەتكە ياردەم بېرىش»نى تەشەببۇس قىلغان.بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تەرەققىي قىلغان. مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ئاممىۋى تەشكىلاتقا ئايلىنىپ، ئەزالىرىنىڭ سانى 300 مىڭ ئەتراپىغا يەتكەن (1916). لېنىن ئۇنى «يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مىللىي جەمئىيىتى» («لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى» 2-توم، خەلق نەشرىياتى، 1972-يىل خەنزۇچە نەشرى، 448-بەت) دەپئاتىغان.1917-يىلى ئىككىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى ھەمدە «قەبىھ كاپىتالىزم»غا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بەزى مەشھۇر كوممۇنىزمچىلارنىڭ قاتنىشىشى ۋە تىرىشىشى ئارقىسىدا، 1921-يىلى 3-ئايدىكى بەشىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىدا: مۇستەملىكىچىلىكنىڭ زۇلمى — كاپىتالىستىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ نەتىجىسى، كاپىتالىزمغا ئىشچى-دېھقانلار كۈچى ئارقىلىق قارشى تۇرۇش لازىم، دەپ كۆرسەتكەن. مۇشۇ ۋاقىتتا مەزكۇر ئىتتىپاق، ماھىيەتتە مىللىي بىرلىك سەپ تەشكىلاتى خاراكتېرىگە ئىگە بولغان. شۇ يىلى 10-ئايدا، ئالتىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا، كونسېرۋاتىپ كۈچلەرنىڭ تىزگىنلىشى بىلەن، يىغىن پارتىيىدىن ھالقىپ كېتىشكە يول قويماسلىقنى قارار قىلىپ، كوممۇنىزمچىلارنى ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان. 1921-يىلى نامىنى ئىسلام ئىتتىپاق پارتىيىسى دەپ ئۆزگەرتكەن، 1930-يىلى نامىنى يەنە ھىندۇنېزىيە ئىسلام دىنى ئىتتىپاق پارتىيىسى، دەپ ئۆزگەرتكەن. 

ئىسلام يىغىنى

  • ئىسلام يىغىنى[يەشمىسى:] ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتى. 1971-يىلى 5-ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە (Jiddah) دېگەن يېرىدە قۇرۇلغان. ھازىر 42 دۆلەت ئەزاسى «ئىسلام يىغىنى ئاساسىي نىزامى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇنىڭ مەقسىتى: ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەش، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئىرقىي كەمسىتىشنى تىرىشىپ تۈگىتىش؛ ھەر قانداق شەكىلدىكى مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش؛ پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۇرتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش يولىدىكى كۈرەشلىرىنى قوللاش؛ بارلىق مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ غۇرۇرى، مۇستەقىللىكى ۋە مىللىي ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قوغداش يولىدىكى كۈرەشلىرىگە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەشكىلىي ئورگانلىرىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى، كاتىبات باشقارمىسى (سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە دېگەن يېرىدە)ۋە قوشۇمچە ئورگانلىرى بار.1980-يىلى 8-ئايدا مەزكۇر تەشكىلات بىلەن ئەرەب ئىتتىپاقى تۇنىستا بىرلەشمە يىغىن ئاچقان ھەمدە بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئىككى تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغان كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان. تۆتىنچى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 1984-يىلى 1-ئايدا ئۆتكۈزۈلۈپ، «كاسابلانكا ئاساسىي نىزامى»نى ماقۇللىغان. 

ئىسلاھاتچىلار جەمئىيىتى

  • ئىسلاھاتچىلار جەمئىيىتى[يەشمىسى:]ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ۋېنگرىيە ئۇششاق ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن بۇرژۇئازىيىنىڭ دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشتىكى مەخپىي تەشكىلاتى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى ۋېنگرىيە پەيلاسوپى، موناستىرنىڭ باشلىقى مارتىنوۋىچ يىگناس، شائىر باچىنى يانوش قاتارلىقلار. ئۇلار فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مۇستەقىل ۋېنگرىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى، ئىككى پالاتالىق تۈزۈمدىكى پارلامېنت ۋە مىللىي ئارمىيە قۇرۇشنى؛ فېئوداللىق ئىمتىيازلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يانچىلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. لېكىن ئۇلار پروگراممىسىدا دېھقانلارنىڭ تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ فېئودالىزمغا قارشى كۈرەشتىكى رولىغا سەل قارىغان بولغاچقا، خەلقنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان. 1795-يىلى ئاۋسترىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلۈپ، نۇرغۇن ئەزالىرىغا ئۆلۈم جازاسى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن. 

ئىسلاھاتچىلىق

  • ئىسلاھاتچىلىق[يەشمىسى:] بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىقى ياكى ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچىلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە ئىشچىلار ھەرىكىتىدە كاپىتالىستىك تۈزۈم ئاساسىغا دەخلى يەتكۈزمەيدىغان دائىرىدە ئۇششاق-چۈششەك ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابىغا قارشى تۇرىدىغان بۇرژۇئازىيە ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيە پىكىر ئېقىمىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلاھاتچىلىق ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئالدى بىلەن كاپىتالىزم ئەڭ بالدۇر تەرەققىي قىلغان، ئىشچىلار ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ ئەۋج ئالغان ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىدە تارقالغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە كاپىتالىستىك دۆلەتلەرگە كەڭ تارقالغان. ئىسلاھاتچىلىق بۇرژۇئازىيە بىلەن پرولېتارىيات مەنپەئىتىنىڭ تۈپتىن قارىمۇقارشى ئىكەنلىكىنى يوققا چىقىرىدۇ. بۇرژۇئا دۆلىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى يېپىپ، ئۇنى سىنىپتىن تاشقىرى قورال قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ. سىنىپىي مۇرەسسە ۋە سىنىپىي ھەمكارلىقنى كۆككە كۆتۈرىدۇ. پرولېتارىياتنىڭ ئىش تاشلاش ۋە قوراللىق كۈرەش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، سىنىپىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشىغاقارشى تۇرىدۇ. سىنىپىي تىنچلىق خام خىيالىنى تارقىتىپ، پرولېتارىيات ئومۇم سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرسىلا، بۇرژۇئازىيىنىڭ پارلامېنت يولى ياكى چوڭ كارخانىلارنى «دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش» قاتارلىق ئىقتىسادىي ئىسلاھات تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، سوتسىيالىزمغا «تىنچ ئۆسۈپ كىرەلەيدۇ»دېگەننى تەرغىپ قىلىدۇ. مۇنبەر سوتسىيالىستلىرى، فابيان سوتسىيالىستلىرى ۋە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى بەزى ئوڭچىل ئاغمىچىلار، مەسىلەن: پرودون،لاسسال، بېرنىشتېيىن قاتارلىقلار ئىسلاھاتچىلىقنى كۈچىنىڭ بارىچە كۆككە كۆتۈرۈپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرغاچقا، ماركسىزمچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز پاش قىلىشى ۋە تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىغان. 

ئىسلاھات گېزىتى تەرەپدارلىرى

  • ئىسلاھات گېزىتى تەرەپدارلىرى[يەشمىسى:]ⅪⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى فرانسىيىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ بىرى. «ئىسلاھات گېزىتى» 1843-يىلىدىن 1850-يىلىغىچە پارىژدا نەشىر قىلىنغان گېزىت. بۇ گېزىتنىڭ مۇھەررىرى لېدروروللىن ۋەكىللىكىدىكى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچىلىرى لۇئى بلان ۋەكىللىكىدىكى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە سوتسىيالىزمچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ،«ئىسلاھات گېزىتى»نى مەركەز قىلغان جۇمھۇرىيەتچىلەر گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇلار ئومۇم سايلام ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشچىلار ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.1848-يىلى فېۋرال ئىنقىلابى مەزگىلىدە لېدروروللىن بىلەن لۇئى بلان11 كىشىلىك ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قاتناشقان. لۇئى بوناپارت ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغاندا ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدىن سىقىپ چىقىرىلغان. 

ئىسمائىل

  • ئىسمائىل[يەشمىسى:]Ismāil،1830— 1895) مىسىر ھۆكۈمرانى (1863—1879). ياش ۋاقتىدا فرانسىيىدە ئوقۇغان، ياۋروپانى ساياھەت قىلغان. 1863-يىلى مىسىرغا باش ۋالىي بولغان، 1867-يىلى خېتىپ (Hidiv) دەپ ئاتالغان. ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە، چەت ئەلدىن كۆپلەپ قەرز ئېلىپ، سۇۋەيىش قانىلى، تۆمۈريول ۋە پورتلارنى ياسىغان، خان جەمەتى خالىغانچە بۇزۇپ-چېچىپ، چەت ئەل كاپىتالىستلىرى زور ئۆسۈم ئۈندۈرۈۋالغانلىقتىن، مالىيەسىنىڭ سۇنغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان. 1875-يىلى سۇۋەيىش قانىلى پاي چېكىنى ئەنگلىيىگە سېتىپ بەرگەن.1876-يىلى «ياۋروپالىقلار كابىنېتى»تەشكىللەپ، ئەنگلىيىلىك ۋىلسۇن (Rivers Wilsom) نى مالىيە ۋەزىرلىكىگە، فرانسىيىلىك بلىگنېرسنى (Blignieres) تەمىرات ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىگەن. 1879-يىلى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئوسمان ئىمپېرىيىسى سۇلتانى ئىسمائىلنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا قۇترىتىپ، ئۇنىڭ ئوغلى تەۋفىق (Tewfik)نى خېتىپ قىلىپ تىكلىگەن. 

ئىسمائىلⅠ

  • ئىسمائىلⅠ[يەشمىسى:] IsmailⅠ،1487 — 1524)ئىران سافى خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى (1502 — 1524). 1499-يىلى ئەزەربەيجاننىڭ قىزىلباش (Kizilbash، قىزىل ياغلىقلار مەنىسىدە) قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى بولغان. 1502-يىلى، قوشۇن باشلاپ چىقىپ، ئاق قويۇنلۇ خاندانلىقى-نىڭ سۇلتانى ئالۋاند (Alwand) نىڭ قوشۇنىنى يېڭىپ، ئەزەربەيجاننىڭ جەنۇبىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنى «شاھ» قىلىپ تىكلىگەن، تەبرىزنى پايتەخت قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىنى دۆلەت دىنى قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. 1502 —1508-يىللىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىراننىڭ زور قىسمى، ئەرمىنىيە، كۇردىستان ۋە ئىراقنى ئىشغال قىلغان. 1510-يىلى، ئۆزبېكلەرنى يېڭىپ، خوراساننى تارتىۋالغان ھەمدە كۈچىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان. 1514-يىلى، چالدىران (Chaldaran، ھازىرقى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدا) ئۇرۇشىدا ئوسمان ئىمپېرىيىسىدىن يېڭىلىپ، كۇردىستان ۋە ئەرمىنىيىنىڭ غەربىدىن ئايرىلىپ قالغان. مەملىكەت ئىچىدە سودا-سانائەتنى قوغداپ، پەن-مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرغان. ئۆزى شائىر بولۇپ، بىرمۇنچە شېئىرلىرى قېپقالغان. 

ئىسمائىلىيە مەزھىپى

  • ئىسمائىلىيە مەزھىپى[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىدىكى بىر مەزھەپ. شىئە مەزھىپىنىڭ بىر تارمىقى. مىلادى Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شىئە مەزھىپىنىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد ئىمامى جەفەر سادىق (700 — 765، Jafaralsadik) چوڭ ئوغلى ئىسمائىل (Ismāil،—؟ 760 ياكى 762) نىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئىسمائىلنى قوللايدىغانلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باشقا بىر مەزھەپ ئۇيۇشتۇرغان. بۇ مەزھەپ ئىسمائىل يەتتىنچى ئەۋلاد، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلاد ئىمام، يەنى تەركىدۇنيا بولغان ئىمام، ئۇ كەلگۈسىدە مەھدى (Mahdi، قۇتقازغۇچى)قىياپىتىدە پەيدا بولىدۇ، دەپ تەرغىپ قىلغان. شۇڭا بۇلار يەتتە ئىمام مەزھىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مەزھەپ مەخپىي تەشكىلات بولۇپ، مەخپىي ھالدا دىن تارقىتىدۇ، مۇرىت قوبۇل قىلىدۇ، مۇرىتلىرى يەتتە دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، ئالىي ئىككى دەرىجىلىكى يولباشچىلىق قىلىدۇ. Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ مەزھەپ شىمالىي ئافرىقىدا فاتىمە خانلىقىنى قۇرغان. كېيىن بىرمۇنچە مۇستەقىل تارماقلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇلار ئاساسلىقى كارامەتىيە مەزھىپى، نىزارى مەزھىپى ۋە درۇزې مەزھىپىدىن ئىبارەت. ⅪⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مەيدانغا كەلگەن ئاگاخان (Agha Khan) باشچىلىقىدىكى ھىندىستان خوجىلار مەزھىپىنىڭ ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا تەسىرى ناھايىتى زور.

ئىسورىيە خانلىقى

  • ئىسورىيە خانلىقى[يەشمىسى:] ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى خانلىقى (717—802). بۇ خاندانلىقنى قۇرغۇچى لېئو Ⅲ كىچىك ئاسىيانىڭ جەنۇبىي تاغلىق رايونىدىكى ئىسورىيىدىن (Isauna) بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. خاندانلىق ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە ھەربىي رايون تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، جايلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن؛ مۇقەددەس سۈرەت، ھەيكەللەرنى بۇزۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، چېركاۋ ۋە مەسچىت، ئىبادەتخانىلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرگە ۋە پادىشاھنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىغا بۆلۈپ بەرگەن؛ ئەرەبلەرنىڭ كونستانتىنوپولغا بولغان ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن ھەمدە كىچىك ئاسىيا ئەتراپىدىكى زېمىنىنى ساقلاپ قالغان. مىلادى Ⅵ — Ⅶ ئەسىرلەردە ماكېدونىيە ۋە يۇنان يېرىم ئارىلىغا تۈركۈم-تۈركۈملەپ كۆچۈپ كەلگەن سلاۋىيانلارنى بويسۇندۇرغان. ئىسورىيە خانلىقىنىڭ پادىشاھلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللىرى: لېئوⅢ (717 — 741)، كونستانتىنⅤ(741—775)،لېئوⅣ( LeoⅣ،775 — 780)، كونىستانتىن Ⅵ(ConstantineⅥ، 780 — 797) ۋە ئېرىنا(Irene، 797 — 802). ئاخىرقى ئايال كورۇل ئېرىنا ئوردا ھەربىي ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 

ئىسوكرات

  • ئىسوكرات[يەشمىسى:]Isokrates ياكى Isocrates، مىلادىدىن ئىلگىرى 436 — 338) قەدىمكى ئافىنالىق پوبلىست. تېئودورۇس (Theodorus)نىڭ ئوغلى. ياش ۋاقتىدا گورگىياس، پرودىكۇس (Prodicus) قاتارلىقلاردىن ستىلىستىكا ئۆگەنگەن. كېيىن مەكتەپ ئېچىپ ستىلىستىكىدىن دەرس ئۆتكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا شۇ چاغدا ئەپلاتون باشقۇرۇۋاتقان پەلسەپە«ئاكادېمىيە»بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرغان. سوتتا ئاقلىغۇچى بولغان ھەمدە سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئېقىم مەسىلىلىرىگە باھا بەرگەن. ماكېدونىيىلىكلەرنىڭ جەنۇبقا باستۇرۇپ كېلىشى ۋە يۇناننى بويسۇندۇرۇشى جەريانىدا، دېموستېنېسنىڭ ئەكسىچە، ماكىدونىيەپەرەستلەرنىڭ داھىيسىغا ئايلىنىپ قالغان. «ئولىمپىيە باش كاھىنى» دېگەن نۇتقىنى ئېلان قىلىپ، ئافىنا، سپارتا قاتارلىق يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ يارىشىپ، پېرسىيىگە بىللە قارشى تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان؛ «فىلىپ» دېگەن نۇتقىدا ماكىدونىيە كورۇلى فىلىپⅡ نىڭ رەھبەرلىكىدە يۇنان دۆلەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پېرسىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، بۇ ئارقىلىق يۇناننى ئىجتىمائىيكرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان. «ئۇرۇشنى ئاسىياغا ئېلىپ بېرىپ، ئاسىيانىڭ بايلىقىنى يۇنانغا ئېلىپ كېلەيلى»دەپ خىتاب قىلغان. خېرونىيە ئۇرۇشى (مىلادىدىن 338 يىل ئىلگىرى)دىن كېيىن، يۇنان مۇستەقىللىكتىن مەھرۇم بولغاندا، تاماق يېمەي ئۆلۈۋالغان. بۈگۈنكى كۈنگىچە نۇتۇق، سىياسىي ئوبزور ۋە خەت-چەكلىرىدىن تەخمىنەن 30 پارچىسى ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ ماقالىلىرىنىڭ ژانىرى رىم ناتىقى سىسېرو (Cicero) ۋە كېيىنكى غەرب ناتىقلىرىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. 

ئىسو ئۇرۇشى

  • ئىسو ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ماكىدونىيە پادىشاھى ئالېكساندر بىلەن پېرسىيە پادىشاھى دارىئوس Ⅲ ئوتتۇرىسىدا بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇش. مىلادىدىن 333 يىل ئىلگىرى سىلسىيە (Cilicia، كىچىك ئاسىيادا) چېگرىسى ئىچىدىكى ئىسو (Issos) دېگەن جاينىڭ ئەتراپىدا بولغان. ماكىدونىيە لەشكىرى تەخمىنەن 30 — 40مىڭ كىشى، پېرسىيە لەشكىرى تەخمىنەن 100 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پايدىلىق ئىستىھكامىغا ئىگە بولغان. لېكىن ئالېكساندر ئەسكەرلىرىنىڭ روھىنى كۆتۈرۈپ، كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پېرسىيە لەشكەرلىرىنىڭ ئىستىھكامىغا شىددەت بىلەن ئېتىلغان. پېرسىيە لەشكەرلىرى تىرىپىرەن بولۇپ چېكىنگەن، ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈكى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن. دارىئوس Ⅲ ئالاقزادە بولۇپ قېچىپ كەتكەن. ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرى ئەسىرگە چۈشكەن. بۇ ئۇرۇش ئالېكساندرنىڭ سۈرىيىگە يۈرۈش قىلىش يولىنى ئېچىپ بەرگەن. 

ئىسىن

  • ئىسىن[يەشمىسى:]Isin ياكى Issin)مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ھازىرقى ئىراقتىكى باغداد شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅩ ئەسىردە ئامورىلار (Amorites) تەرىپىدىن قۇرۇلغان. دائىم شىمالدىكى ئېشنوننا ۋە جەنۇبتىكى لارسا قاتارلىقلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالاشقان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅧ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بابىلون تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. يېقىنقى زامان ئارخېئولوگلىرى ئۇنىڭ خارابىسىنى قېزىپ، زور تۈركۈمدىكى سېمىت تىلى مىخ يېزىقى بىلەن يېزىلغان كورۇل جەمەتى ئارخىپ ھۈججەتلىرىنى تېپىپ چىقىپ، بۇ يەرنىڭ سىنىپىي جەمئىيەتكە بىرقەدەر بۇرۇن كىرگەنلىكىنى ھەمدە سومېر(Sumer)، ئاققادىئانوس (Akkadianus) مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ساقلىنىپ قالغان «ئىسىن كورۇلى لىپىت ئىشتار قانۇنى دەستۇرى»دە قۇلدارلار مەنپەئىتى ۋە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى قوغداش ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. 

ئىشچى-ئەسكەرلەر ۋەكىلى سوۋېتى

  • ئىشچى-ئەسكەرلەر ۋەكىلى سوۋېتى[يەشمىسى:] روسىيە فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىككى ھاكىمىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋەزىيەت ئاستىدىكى ئىشچى-دېھقانلار ئىنقىلابىي دېموكراتىك دىكتاتۇرا ئورگىنى. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدا، بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، قوزغىلاڭچى ئىشچىلار ۋە ئەسكەرلەر ئىچىدىن سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. 3-ئاينىڭ12-كۈنى (روسىيە كالېندارى بويىچە 2ئاينىڭ27-كۈنى)ھەممىدىن ئاۋۋال پېتروگرادتا قۇرۇلۇپ، باشقا رايونلاردىمۇ كەينى-كەينىدىن بارلىققا كەلگەن. ئۇ قوراللىق ئىشچىلار ۋە ئەسكەرلەرگە تايىنىپ چار كورۇل ئەمەلدارلىرىنى بىكار قىلىپ، ساقچى ۋە ژاندارمىلارنى قورالسىزلاندۇرۇپ، ھەرخىل ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان. رەھبەرلىك ھوقۇقى مېنشېۋىكلار ۋە سوتسىيال ئىنقىلابچىلار پارتىيىسىنىڭ قولىدا ئىدى. ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ بېقىندىسى بولۇپ قالغان. كورنىلوۋ توپىلىڭى تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، مەركىزىي سوۋېت بىلەن يەرلىك سوۋېتنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى تېزدىنلا بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، پارتىيىنىڭ ئۆكتەبر قوراللىق قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىشىدىكى جەڭگىۋار شتابى بولغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، «تىنچلىق قانۇنى» ۋە «يەر قانۇنى»نى ماقۇللىغان ھەمدە دېھقانلار ۋەكىلى سوۋېتى بىلەن قوشۇلۇپ، ئىشچى-دېھقان-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتى تەشكىللىنىپ، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىلىقىدىكى ھاكىمىيەت ئورگىنىغا ئايلانغان. 1918-يىلى ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، نامى ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيە ۋەكىللىرى سوۋېتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1936-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، كېيىن يەنە ئەمگەكچىلەر ۋەكىللىرى سوۋېتى قىلىپ تەشكىللەنگەن.

ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش جەمئىيىتى

  • ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش جەمئىيىتى[يەشمىسى:]قىسقارتىپ كۈرەش جەمئىيىتى دەپ ئاتالغان. روسىيە ماركسىزمچى ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئەڭ بالدۇرقى بىخى. 1895-يىلى 12-ئايدا لېنىننىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە قاتتىق ئىنتىزام ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش پرىنسىپىغا ئاساسەن پېتېربۇرگدىكى بارلىق ماركسىزمچى ئىشچىلار گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىرلىشىشى ئىشقا ئاشقان، 15 — 17 كىشىلىك رەھبەرلىك يادروسى سايلاپ چىقىلغان. ئۇلار تۈرلۈك ژۇرناللارنى نەشىر قىلغان. ئىشچىلار ئاممىسى ئىچىدە سوتسىيالىزم توغرىسىدا تەشۋىق ئېلىپ بارغان. پېتېربۇرگ ئىشچىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىش تاشلىشىغا كۆپ قېتىم رەھبەرلىك قىلغان. ئىشچىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرىشىنى چار كورۇل تۈزۈمىگە ۋە كاپىتالىزمغا قارشى تۇرۇش يولىدىكى سىياسىي كۈرەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، روسىيىدە سوتسىيالىزم بىلەن ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ بىرلىشىشىنى تۇنجى قېتىم يولغا قويغان.

ئىشچىلار ھەرىكىتى بىرلەشمىسى

  • ئىشچىلار ھەرىكىتى بىرلەشمىسى[يەشمىسى:]ھىندۇنېزىيىدىكى تەرەققىيپەرۋەر ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ تۇنجى بىرلەشمە تەشكىلاتى. ⅩⅩئەسىرنىڭ 20-يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىپ، ھەرقايسى كەسىپلەردە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كەينى-كەينىدىن قۇرۇلغان. 1919-يىلى شەرقىي ھىندۇنېزىيە سوتسىيال-دېموكراتلار ئىتتىپاقى ۋە ئىسلام دىنى ئىتتىپاقىدىكى ئىنقىلابچىلارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، ھەرقايسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى يوگياكارتادا ئۇچرىشىپ، ھىندۇنېزىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى بىرلەشمىسى قۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇ بىرلەشمىگە 22 يەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەزاسى 72 مىڭ كىشىگە يەتكەن. بۇ بىرلەشمىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن، مەسىلەن: 1920-يىلى 8-ئايدا شەرقىي ياۋا ۋە غەربىي ياۋادىكى شېكەرچىلىك سانائىتى بويىچە نەچچە مىڭ ئىشچى كەڭ كۆلەمدە ئىش تاشلىغان؛ 9-ئايدا، سۇماترادىكى رېلى تۆمۈريول شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى ۋە يالقۇنتاغ باداف نېفىت شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى ئىش تاشلىغان؛ 11-ئايدا، سۇرابايا دېلورك شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى ئىش تاشلىغان. 1921-يىلى سېماراڭ مەتبەئەچىلىك ئىشچىلىرى ئىش تاشلىغان. 1921-يىلى يوگگاكارتا ئىشچىلار ھەرىكىتى بىرلەشمىسى ۋە سېماراڭ ئىنقىلابى مەركىزىي ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسى بولۇپ بۆلۈنگەن.

ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى

  • ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى[يەشمىسى:]ئەمگەك قوراللىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كىشىلەر ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئەمگەك ئوبيېكتىنى پىششىقلاشقا ئىشلىتىدىغان قورال-سايمانلار. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى ئەمگەك ئوبيېكتىغا يەتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيىسىنى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى ئايرىشنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ئادەتتە ئۈچ دەۋرگە، يەنى قورال-سايمان دەۋرى (بۇ دەۋر يەنە تاش قوراللار دەۋرى، برونزا قوراللار، تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە بۆلۈنىدۇ)، ماشىنىلار دەۋرى ۋە ئاپتوماتىك سىستېمىلار دەۋرىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ يېڭىلىنىشى مۇئەييەن ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. كاپىتالىزمدىن ئىلگىرىكى جەمئىيەتلەردە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ تەرەققىياتى بەك ئاستا بولغان. كاپىتالىزم جەمئىيىتىدە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن سۈرئەت بىلەن راۋاجلانغان. بىراق بۇ راۋاجلىنىش ھامان كاپىتالىستلارغا مەنپەئەتلىك بولۇش-بولماسلىقنى دەۋر قىلغان. سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشىغا داغدام ئىستىقبال يارىتىپ بەردى.

ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى

  • ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى[يەشمىسى:]يەنى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى. ئىنسانلارنىڭ ماددىي ئەشيالار ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى. ئۇ بەلگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىسى بىلەن ئەمگەك قابىلىيىتىگە ئىگە ئادەملەر (ئەمگەكچىلەر)، ئەمگەك ۋاسىتىلىرى (ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى) ۋە ئەمگەك ئوبيېكتىدىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلدىن تەركىب تاپقان. بۇلاردىن ئەمگەكچىلەر يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىل بولۇپ، ئەمگەك ۋاسىتىلىرى كىشىلەر ئەمگىكىنى ئەمگەك ئوبيېكتىغا ئۆتكۈزىدىغان زۆرۈر ۋاسىتە، شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ؛ ئەمگەك ئوبيېكتى بولسا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ماددىي شەرت. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئامىللىرىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىدە پەن-تېخنىكا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى قانچىكى تەرەققىي قىلغانسېرى، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىۋاسىتە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە شۇنچە ئوڭاي ئۆزگىرىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋىيىسى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شەكلىنى بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭدەك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ئاخىرى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرىلىتىدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى

  • ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى[يەشمىسى:] ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ماددىي ئەشيالار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئورناتقان ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىنىڭ بىر تەرىپىدۇر. ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش شەكلى، ھەرقايسى ئىجتىمائىي گۇرۇھلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئورنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ھەمدە مەھسۇلاتلارنىڭ تەقسىملىنىش شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسىدۇر. سىنىپىي جەمئىيەتلەردە بۇ ئاساسەن سىنىپىي مۇناسىۋەتلەر شەكلى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ ئۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ۋە ئۆز نۆۋىتىدە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەلگىلىك بىر جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى يىغىندىسى شۇ جەمئىيەتنىڭ ئۈستقۇرۇلمىسىنىڭ ئورنىتىلىشىدىكى ئىقتىسادىي بازىسىدۇر. ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ بەش خىل ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى، يەنى: باشلانغۇچ كوممۇنا تۈزۈمى، قۇلدارلىق تۈزۈمى، فېئوداللىق تۈزۈمى، كاپىتالىزم تۈزۈمى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدىن ئىبارەت بەش خىل ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بارلىققا كەلگەن. كوممۇنىزم سوتسىيالىزمنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدۇر.

ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى

  • ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى[يەشمىسى:]جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددىي ئەشيالارغا ئېرىشىش ئۇسۇللىرى. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇلار ماددىي ئەشيالار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى زىددىيەتنىڭ بىرلىكىدۇر. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىنىڭ ماددىي مەزمۇنى، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بولسا ئۇنىڭ ئىجتىمائىي شەكلى؛ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىدىكى ئەڭ جانلىق ۋە ئەڭ ئىنقىلابىي ئامىل، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بولسا نىسپىي تۇراقلىققا ئىگە. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىگە قارىتا ھامان ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىگە مۇناسىپ كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەيدۇ. لېكىن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى ئۆز نۆۋىتىدە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە قارىتا ئىلگىرىلىتىش ياكى ئاستىلىتىش، ھەتتا توسقۇنلۇق رولىنى ئوينايدۇ. كونا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىغا چۈشەك بولۇپ قالغاندا، بۇ خىل ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ زىددىيىتى مەيلى بالدۇر، مەيلى كېيىن بولسۇن ھامان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىدا ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار جەمئىيىتىدە بۇ خىل ئۆزگىرىش سىنىپىي كۈرەش ۋە ئىجتىمائىي ئىنقىلاب يولى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، مەنىۋى تۇرمۇشلىرىنى چەكلەپ تۇرىدۇ. بۈگۈنكىچە ئىنسانىيەت ئۆز تارىخىدا بەش خىل تۈپكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى، يەنى: باشلانغۇچ كوممۇنا تۈزۈمى، قۇلدارلىق تۈزۈمى، فېئوداللىق تۈزۈمى، كاپىتالىزم تۈزۈمى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدىن ئىبارەت بەش خىل ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىنى باشتىن كەچۈردى. كوممۇنىزم سوتسىيالىزمنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدۇر.

ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى

  • ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى[يەشمىسى:]ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ماددىي ئامىلى بولۇپ، ئەمگەك ۋاسىتىلىرى بىلەن ئەمگەك ئوبيېكتىنى، مەسىلەن: ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر، زاۋۇت، فابرىكا ئۆيلىرى، قاتناش-توشۇش قوراللىرى، خام ئەشيا، ياردەمچى ماتېرىياللار، يەر، ئورمان، دەريا-ئېقىنلار، كان بايلىقلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلاردىن ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ئەمگەك ئوبيېكتى كۆلىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى بەلگىلەيدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ماددىي شەرتى بولۇپ، ئەمگەكچىلەر پەقەت ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشكەندىلا ئاندىن ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارالايدۇ. مۇئەييەن ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى ئەمگەكچىلەر بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىدا قوللىنىلىدىغان ئۇسۇلىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئوخشاشمىغان ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي فورماتسىيىلەرنى پەرقلەندۈرىدىغان بەلگىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى

  • ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى[يەشمىسى:]ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىشنىڭ بەلگىلىك شەكلى. بۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ شەخسكە، سىنىپقا، گۇرۇھلارغا ياكى جەمئىيەتكە مەنسۇپلۇقى مەسىلىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ كىمگە تەۋە بولۇشى، كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئورنى ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ھەمدە مەھسۇلاتلارنىڭ تەقسىملىنىش خاراكتېرى بىلەن شەكلىنى بەلگىلەيدۇ، بەلكى يەنە ھەر خىل ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي فورماتسىيىلەرنى پەرقلەندۈرىدىغان مۇھىم بەلگە ھېسابلىنىدۇ. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمىنىڭ مۇناسىپ ئۆزگىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمىنىڭ شەكلى ئاساسەن ئومۇم مۈلۈكچىلىكى ۋە خۇسۇسىيلار مۈلۈكچىلىكىدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىلغان. ئومۇم مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى باشلانغۇچ كوممۇنا ئومۇم مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە سوتسىيالىستىك ئومۇم مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى دەپ بۆلۈنىدۇ، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدىن ئىچكى قىسمىدا يەنە بىرنەچچە تۈرلەر (مەسىلەن: ئۇرۇق مۈلۈكچىلىكى، قەبىلە مۈلۈكچىلىكى، كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكى، ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكى) بار. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈم ئاساسىي جەھەتتىن ئۈچ خىل يەنى: قۇلدارلىق تۈزۈم خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكى، فېئوداللىق تۈزۈم خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكى ۋە كاپىتالىستىك تۈزۈم خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكىدىن ئىبارەت. بۇلاردىن باشقا يەنە بىرقانچە ئارىلىقتىكى، ئۆتكۈنچى تۈرلەر بار. ئادەتتە بىرخىل ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي فورماتسىيىدە بەلگىلىك بىرخىل ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى يېتەكچى ئورۇن تۇتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە باشقا خىل ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى شەكىللىرىمۇ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئومۇم ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى

  • ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئومۇم ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى[يەشمىسى:] ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئەمگەكچىلەر ئاممىسى، كوممۇنا كوللېكتىپى ياكى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئىگىدارچىلىق قىلىش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. تارىختا بۈگۈنگىچە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئومۇم ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئىككى خىل تۈزۈم يەنى: باشلانغۇچ كوممۇنا ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى ۋە سوتسىيالىستىك ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى بولۇپ ئۆتكەن، بۇ ئىككى تۈزۈم شەكىل جەھەتتە ئوخشاشلا ئومۇم ئىگىدارچىلىقىدا بولسىمۇ، لېكىن ماھىيەت جەھەتتە ئوخشاشمايدۇ. باشلانغۇچ كوممۇنا ئومۇم ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى تولىمۇ تۆۋەن، ئىشلەپچىقىرىش دائىرىسى ۋە ماددىي ئەشيالار بەكمۇ چەكلىك بولغان ئىجتىمائىي ھالەتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ستېخىيىلىك تۈردە شەكىللەنگەن. بۇ خىل ئومۇم ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى پەقەت ئۇرۇقلار، قەبىلىلەر دائىرىسىدىلا چەكلەنگەن بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى مۇقەررەر ھالدا خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى ئىگىلىگەن. سوتسىيالىستىك ئومۇم ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى — ئىجتىمائىيلاشقان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ئارقىلىق كاپىتالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرغاندىن كېيىن، خەلق دېموكراتىيىسى (ياكى پرولېتارىيات) دىكتاتۇرىسى شارائىتىدا قۇرۇلغان. بۇ ئاساسەن كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىقى ۋە ئومۇمىي خەلق ئىگىدارچىلىقىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئومۇم ئىگىدارچىلىقى تۈزۈمىگە بۆلۈنىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئورتاق تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ يۈكسەك باسقۇچ كوممۇنىزمغا قاراپ پەيدىنپەي، پىلانلىق ھالدا مېڭىشتىن ئىبارەت. يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلاردىن تاشقىرى، سىنىپىي جەمئىيەتتە خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى بىلەن تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھەرخىل قىسمەن ياكى ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك ئومۇم ئىگىدارچىلىق تۈزۈملىرىنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن، مەسىلەن: قەدىمكى يېزا جامائەسى ئومۇم ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى، شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇم ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى قاتارلىقلار.

ئىشلەمچىلەر تۈزۈمى

  • ئىشلەمچىلەر تۈزۈمى[يەشمىسى:]ياپونىيىدىكى تايكا يېڭىلىقىدىن بۇرۇنقى بىرخىل ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى. مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ياپونىيە ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىدا نۇرغۇن قۇللار بولغان. چوڭ ئاقسۆڭەكلەر ئۇلارنى ئىش تەقسىماتى بويىچە «پىرقە» گە ئايرىغان: ئوتوموپىرقىسى سېلىق «پىرقىسى» گە قوماندانلىق قىلغان، ئۇنىڭ ئىشلەمچىلىرى ئوقيا ياساشنى ئۈستىگە ئالغان، قاراۋۇللۇق قىلغان؛ قارىلىق پىرقىسى نەزىر-چىراق ئىشلىرىنى باشقۇرغان ۋە ئىشلەمچىلىرىگە قوماندانلىق قىلغان؛ ساپالچىلىق پىرقىسى ساپال بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن ۋە ئۆز پىرقىسىنىڭ ئىشلەمچىلىرىگە قوماندانلىق قىلغان. ئوردىدا تائام پىرقىسى، توڭگۇز پىرقىسى قاتارلىقلار بولغان. يەرلىكتە سۇ ئىشلىرى بۆلىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى يەتكۈزۈپ بەرگەن، تاغ ئىشلىرى بۆلىكى تاغ ئورمانلاردىكى داڭلىق مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىگەن، Ⅴ ئەسىردىن Ⅵ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە ئوردىدا ئات بېقىش پىرقىسى، كېمىيەرگەرلىك پىرقىسى، ئوقياچىلىق پىرقىسى قاتارلىقلار بولغان. دېھقانچىلىق قىلىش ئۈچۈن، جايلاردىكى دېھقانلارنى يىغىپ، تېرىقچىلىق پىرقىسىنى تەشكىل قىلغان. خېنېي، خېچۈەن (ھازىرقى ئۇساكاغا تەۋە) قاتارلىق بوز يەرلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئالدىنقى ۋە ئارقا سەپتىكى نۇرغۇنلىغان قەبرىلەرنى ياساش ئۈچۈن، كۆپلىگەن ئىشلەمچىلەر كېرەك بولغان، چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىدا، تېخنىكلار ئەسىر ئېلىنىپ، قۇل قىلىنغان. ئەسلىدىكى كۇلالچىلىق بۆلىكىدىن باشقا، يېڭى تېخنىكا كىرگۈزۈلۈپ، ساپال قاچىلار پىرقىسى قۇرۇلغان؛ كېمىيەرگەرلىك پىرقىسىمۇ قۇرۇلغان، چەت ئەل مۇھاجىرلىرى ئىچىدىكى بىلىملىك كىشىلەردىن تارىخ پىرقىسى، ئاسارئەتىقە پىرقىسى تەشكىل قىلغان. ئىشلەمچىلەر تەشكىلىگە ئومۇمەن تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇرۇقداش ئاقسۆڭەكلەر قوماندانلىق قىلغان، ئۇلار ھەمراھ دەپ ئاتالغان. ئۇلار ئىشلەمچىلەر بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، ئۆزىنى ئۇرۇق باشلىقى دەپ ئاتىغان، ئىشلەمچىلەر ئۇرۇق تەۋەسىدىكىلەر بولغان. چەتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر دائىم ئەسلىدىكى ئىچكى قۇرۇلمىسىنى ساقلاپ، ئۆز گۇرۇھىدىكى ئاقساقاللارنى ھەمراھ قىلغان. تېننوغا بىۋاسىتە تەۋە پىرقىلەر مىڭدەي دەپ ئاتالغان؛ خان جەمەتىگە ھەدىيە قىلىنغان پىرقىلەر زىدەي دەپ ئاتالغان، دۆلەتمەن ئاقسۆڭەكلەر بۇ نامنى ئۆز فامىلىسى بىلەن ئاتاشقان، مەسىلەن: ئوتومو پىرقىسى، سۇۋۇ پىرقىسى دەپ ئاتىغان، ئۇلارنىڭ ئىشلەمچىلىرى مالايلار دەپ ئاتالغان. ئىشلەمچىلەر تۈزۈمى ياپونىيىدىكى قۇللۇق دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى بولۇپ قالغان. تايكا يېڭىلىقىدىن كېيىن، ئىشلەمچىلەر تۈزۈمى پرىنسىپ جەھەتتە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، لېكىن ئوردا ۋە ھۆكۈمەت زۆرۈر بولغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن بىر قىسىم قول سانائەت ئائىلىلىرىنى مەھسۇلات ئىشلەش پىرقىسى سۈپىتىدە ساقلاپ قالغان ياكى ئارىلاش ئائىلىلەر قاتارىدا باشقۇرغۇچى مەھكىمىلەر تەۋەسىگە ئالغان، چەت ياقىلاردىكى دۆلەتمەن ئاقسۆڭەكلەرمۇ كونا ت-ۈزۈمنى ساقلاپ قالغان.

ئىشىباشى تانزان

  • ئىشىباشى تانزان[يەشمىسى:]1884—1973) ياپونىيە باش ۋەزىرى ( 1956 — 1957). توكيولۇق، ۋاسېدا داشۆسىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1911 -يىلى ياپونىيە شەرقىي ئوكيان ئىقتىسادىي يېڭى گېزىتى ئىدارىسىگە خىزمەتكە كىرىپ، 1925 — 1946-يىللىرى باش تەھرىر بولغان، 1941 — 1946-يىللىرى گېزىتخانا باشلىقى بولغان. ياپونىيىنىڭ مىلىتارىزمىنى تەنقىدلىگەن. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، 1946-يىلى 5-ئايدا پوشېدا ئىچكى كابىنېتىنىڭ ۋەزىرى بولغان. 1947-يىلى 4-ئايدا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. كۆپ قېتىم ئامېرىكا ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسى دائىرىلىرىگە قارشى چىققانلىقتىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 1951-يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1952-يىلى يەنە ئاۋام پالاتاسى ئەزالىقىغا سايلانغان. 1954-يىلى ھاتوياما ئىچىرو قاتارلىقلار بىلەن ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ، ھاتوياما ئىچىرو ئىچكى كابىنېتىنىڭ سودا ئالاقە-سانائەت ۋەزىرى بولغان. 1956-يىلى 12-ئايدا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلغان. ئىككىنچى يىلى 2-ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئىستېپا بەرگەن. 1959-يىلى جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، جۇئېنلەي زۇڭلى بىلەن بىرگە جۇڭگو-ياپونىيە تىنچلىقتا بىللە تۇرۇپ، ئۆزئارا دوستانە ئۆتۈشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلغان. 1960يىلى «ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» نى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرغان. 1960—1962يىللىرى ياپونىيەسوۋېت دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1964، 1972، 1973-يىللىرى ئۇدا ياپونىيە خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1972-يىلى ياپونىيە-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش پالاتا ئەزالىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1952 — 1968-يىللىرى رىسشو داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغان. «پۇل پاخاللىقى نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى»، «ياپونىيە پۇل مۇئامىلە تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 15 توملۇق «ئىشى باشى تانزان ئەسەرلىرى» بار.

ئىشخارا كانجى

  • ئىشخارا كانجى[يەشمىسى:]1889 — 1949) ياپونىيىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرال لېيتېنانتى. «18-سېنتەبر» ۋەقەسىنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ بىرى. 1918يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1922يىلى گېرمانىيىگە ئوقۇشقا چىققان، ناپولېئون، مولتكې قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھەربىي ئىدىيىسىنى تەتقىق قىلغان. 1928-يىلى كانتون ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلغۇچى مۇدىر شتاب باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى بېسىۋېلىش ھەققىدە داۋراڭ سالغان. 1931-يىلى ئىتاگاكى سېيشرو قاتارلىقلار بىلەن «18-سېنتەبر» ۋەقەسىنى پىلانلاپ، قورچاق مانجۇرىيىنى ئويدۇرۇپ چىققان. 1932-يىلى ماتسۇئوكايوئۇ بىلەن بىرگە جەنۋە خەلقئارا ئىتتىپاق يىغىنىغا قاتنىشىپ، ياپونىيىنى خەلقئارا ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىقىشقا قۇتراتقان. 1937يىلى 3ئايدا باش شتابنىڭ جەڭگىۋار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشنى كېڭەيتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ يىلى 9ئايدا كانتون ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى بولغان. 1939يىلى 16دىۋىزىيىنىڭ باشلىقى بولغان. 1941يىلى 3-ئايدا زاپاس قىسىمغا كىرگۈزۈلگەن. تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى مەزگىلىدە شەرقىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن توكيو سوتى ۋاقتىدا، گۇۋاھچى سۈپىتىدە سوتقا قاتنىشىپ ئەيىبلەنمەي تۇرۇپلا جىنايىتىدىن قېچىپ قۇتۇلغان. ئۇنىڭ «دۇنيانىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇشى ھەققىدە»، «دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى توغرىسىدا»، «نىچىرىن (Nichiren) دىنى ھەققىدە دەسلەپكى ساۋات» ناملىق ئەسەرلىرى بار.

ئىشىكاۋا تاكوبوكۇ

  • ئىشىكاۋا تاكوبوكۇ[يەشمىسى:]1886 — 1912) ياپونىيىلىك شائىر، يازغۇچى، ئوبزورچى. مورى ئوكا ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان، كېيىن ئوقۇشتىن قالغان. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، مۇخبىر بولغان. 1902-يىلى «چولپان» ژۇرنىلىدا داستانى ئېلان قىلىنغان. 1905-يىلى «تەلپۈنۈش» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنىپ، چولپان مەزھىپى ئىچىدىكى مەشھۇر رومانتىك شائىر بولۇپ قالغان. 1910-يىلىدىكى چوڭ قارشىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن ناتۇرالىزم ئەدەبىياتىنى تەنقىد قىلىپ، تەنقىدىي رېئالىزمغا مايىل بولغان. مۇھىم ئەسەرلىرىدىن: «دوختۇرخانىنىڭ دېرىزىسى» ناملىق ھېكايىسى، ناخشا توپلىمىدىن «بىر ئوچۇم قۇم»، ئوبزوردىن «يېپىق دەۋرنىڭ ھازىرقى ھالىتى»، شېئىر توپلىمىدىن «پۇشتەك ۋە ئىسقىرق» قاتارلىقلار بار. كېيىن «تاكۇبوكا ئەسەرلىرى» دىن سەككىز توم نەشىر قىلىنغان.

ئىشىكاۋا چىيوماتسۇ

  • ئىشىكاۋا چىيوماتسۇ[يەشمىسى:]1861 — 1935) ياپونىيىلىك بىئولوگىيە ئالىمى. فىزىكا دوكتورى. ئېدو بارگاھىدىكى چىبىن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1882-يىلى توكيو داشۆسىنىڭ زوئولوگىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1884-يىلى گېرمانىيىگە بېرىپ ئوقۇغان. 1889-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ، ئىككىنچى يىلى ئانا مەكتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىلمىي كەسپىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1911يىلى ئىمپېرىيە ئالىملار يۇرتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ھەر خىل جانلىق ئورگانىزملارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كۆپىيىشىنى تەتقىق قىلىش بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولغان. ئۇنىڭ «ھايۋاناتلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى توغرىسىدا»، «تەدرىجىي تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھاكىمە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. كېيىن ئون توملۇق «ئىشى كاۋاچىيوماتسۇ ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

ئىشىك ئالدىدىكى بازار

  • ئىشىك ئالدىدىكى بازار[يەشمىسى:] ياپونىيە بۇتخانا ياكى ئىبادەتخانىسى ئىچىدىكى ياكى ئىشىك ئالدىدىكى بازار. خىراياسۇ دەۋرىدىن مۇروماچى دەۋرىگىچە بەك ئەۋج ئالغان. ئالدى بىلەن دۇڭدا ئىبادەتخانىسى، شىڭفۇ ئىبادەتخانىسى قاتارلىق جايلاردا پەيدا بولغان. ئۇلار ئىسرىقچىلار ۋە يولۇچىلارنى ئوبيېكت قىلىپ، مېھمانخانا ۋە سودا دۇكانلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. كېيىن بارا-بارا بازار بولۇپ قالغان. مەسىلەن: ئىسىي بۇتخانىسىدىكى يۇجى تاغلىق ئېتىزلىرى، يەنلى ئىبادەتخانىسىدىكى بەنبىن، زەنچى (ھازىرقى كاگاۋا ناھىيىسى) دىكى جىنداۋبىرو سارىيىدىكى چىنپىڭ بازىرى قاتارلىقلار. ئىبادەتخانىلار قورۇقلارغا ئىگە بولۇپ، سودىگەرلەر تەشكىلىنىڭ بازار ئاغىسىنى كونترول قىلغاچقا، ئىشىك ئالدىدىكى بازارلارغا قارىتا باشقۇرۇش ئورنىدا تۇراتتى، يېغىلىقتىن كېيىن شەھەر بازىرى، پورت بازىرى ئۇنىڭ ئورنىنى ئالغان. لېكىن ساياھەت قىلىنىدىغان مۇقەددەس جاي سۈپىتىدە، نارا ناھىيىسىدىكى تيەنلى شەھىرى، ئوكاياما ناھىيىسىدىكى جىنگۇاڭ بازىرى يەنىلا مۇشۇ خىلدىكى بازار ئىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تىبا ناھىيىسىدىكى كاندۇ ئىبادەتخانىسىنىڭ چىڭتيەن بازىرى 1954-يىلى ئەتراپىدىكى ئالتە كەنت بىلەن قوشۇلۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساياھەت شەھىرىگە ئايلانغان.

ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى

  • ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى[يەشمىسى:]ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشتىكى بىر خىل سىياسىتى. ⅪⅩئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر جۇڭگودا بەس-بەس بىلەن يەر ئىجارىگە ئېلىپ، تەسىر دائىرىسىنى بۆلۈشۈۋالغان. 1899-يىلى 9-ئايدا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جون مىلتون (John Milton Hay، 1838 — 1905) ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە ۋە روسىيىگە نوتا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ جۇڭگودىكى تەسىر دائىرىسىنى ئېتىراپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئامېرىكىنىڭ مۇشۇ تەسىر دائىرىسىدە سودا ئەركىنلىكى، باراۋەر باج نىسبىتى ۋە بارلىق ئىمتىيازغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلغان. 1900-يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇ ئالتە دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە يەنە بىر قېتىم نوتا تاپشۇرۇپ، جۇڭگو زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ۋە مەمۇرىي بىرلىكىنى قوغداش بىلەن بىللە كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە جۇڭگونىڭ ھەممە جايلىرى بىلەن ئادىل سودىلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، دېگەن «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى» دېگەن ئەنە شۇ. دەسلەپتە كۈچلۈك دۆلەتلەر بۇنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلمىغان. كۈچلۈك دۆلەتلەر 1922-يىلدىكى ۋاشىنگتون يىغىنىدىلا رەسمىي ئېتىراپ قىلغان. كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش سىياسىتى سۈپىتىدە «توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى» گە كىرگۈزۈلگەن.

ئىشى ئى كىكۇجىرو

  • ئىشى ئى كىكۇجىرو[يەشمىسى:]1866—1945) ياپونىيە تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى. چىبا ناھىيىسىدىن. 1890يىلى ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن. سودا ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن ئەمەلدارى بولغان. 1912يىلى فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1915-يىلى 10-ئايدا ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئوكۇما ئىچكى كابىنېتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش دىپلوماتىيىسىنى ئاكتىپ يولغا قويغان. 1917-يىلى 6-ئايدا ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان، 11-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى لانسىن بىلەن جۇڭگودىكى ھوقۇق-مەنپەئىتىنى بۆلۈشۈۋېلىش توغرىسىدىكى «ئىشى ئى كىكۇجىرو-لانسىن كېلىشىمى»نى ئىمزالىغان. 1927-يىلى جەنۋە ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى بولغان. 1916 — 1929-يىللىرى ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسى ئەزاسى بولغان. 1929يىلىدىن باشلاپ زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچى ئامبىلى بولغان. 1945يىلى 5ئايدا ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەن. «دىپلوماتىيە توغرىسىدا قوشۇمچە خاتىرىلەر»، «دىپلوماتىيە تەسىراتلىرى» ناملىق ئەسەرلىرى بار.

ئىفتالىتلار

  • ئىفتالىتلار[يەشمىسى:]Hephthalites ياكى Ephtahalites) يەنە يەپتاللار، ئابداللار دەپمۇ ئاتالغان. ئىفتالىتلار ماۋرائۇننەھىر[ZW(*] ماۋرائۇننەھىر — تارىخىي، جۇغراپىيىۋىي ئاتالغۇ. ئىككى دەريانىڭ ئارىسىدىكى جاي، دېگەن مەنىدە. ئادەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىر دەرياسى بىلەن ئامۇ دەرياسى ئارىسىدىكى كەڭ جايلارنى كۆرسىتەتتى — تەھرىردىن.[ZW)](ئوتتۇرا ئاسىيا) ۋە ئافغانىستان رايونىدا قۇرغان دۆلەت. ئىفتالىتلار ئىپتىدائىي كۆچمەن چارۋىچى خەلق بولۇپ، ئۇلۇغ توخرىيلار بىلەن قېنى ئارىلىشىپ كەتكەن ھونلار دەپ قارىلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ پادىشاھىنىڭ نامى ئىفتالىت بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. شەرقىي رىم تارىخچىلىرى «ئاق ھون» دەپ ئاتايدۇ. ئەسلى ئالتاي تاغلىرى رايونىدا ئولتۇراقلاشقان. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى غەربكە كۆچۈپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستاننى ئىشغال قىلىپ، باداگىس (Badhaghis، ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىدا) شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. زورو ئاستېر دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 427-يىلى ئىران ساسانىيلار سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولغان. كېيىن بەزىدە ئۇرۇشۇپ، بەزىدە سۈلھ قىلىشقان. 484-يىلى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ساسانىيلار قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھى فىرۇز (Firuz، 458 — 484) نى ئۆلتۈرۈپ، ساسانىيلار سۇلالىسىنى ئولپان تۆلەشكە مەجبۇر قىلغان. Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىنى ئىشغال قىلغان. تەخمىنەن 533-يىلى ئىفتالىتلارنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلغان. 567-يىلى تۈركلەر بىلەن ساسانىيلارنىڭ قىستاپ ھۇجۇم قىلىشى ئاستىدا ئىفتالىت دۆلىتى ھالاك بولغان. تۈركلەر بىلەن ساسانىيلار سۇلالىسى ئامۇ دەرياسىنى پاسىل قىلغان ھالدا ئۆز ئالدىغا ئىفتالىتلار زېمىنىنى ئىگىلىۋالغان.

ئىفىگېنىيە

  • ئىفىگېنىيە[يەشمىسى:]Iphigeneia ياكى Iphigenia) قەدىمكى يۇنان رىۋايەتلىرىدىكى ئاگامېمنوننىڭ قىزى. مىكناي پادىشاھى ئاگامېمنون بىلەن كلىتا ئېمىنېسترا (Glytaemnestra) دىن تۇغۇلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئاگامېمنون يۇنان بىرلەشمە قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئولىس (Aulis، ئوتتۇرا يۇناندىكى بېئوتىيىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا) پورتىدىن تروياغا يۈرۈش قىلماقچى بولغاندا، ئوۋچىلىق خۇداسى ئارتېمىس تۇيۇقسىز بوران چىقىرىپ، ئۇرۇش كېمىلىرىنى سەپەرگە چىقالمايدىغان قىلىپ قويغان، ئاگامېمنون ئىفىگېنىيەنى ئارتېمىسقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلغاندا بوران ئاندىن تىنچىغان، يەنە بىر رىۋايەتكە قارىغاندا، ئارتېمىس ئىفىگېنىيەگە ئىچ ئاغرىتىپ، بىر كىچىك مارالنى ئۇنىڭ ئورنىدا قۇربانلىق قىلغان ھەمدە ئۇنى قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى تاۋرىلار دۆلىتىگە ئېلىپ كېلىپ،ئۇنى ئارتېمىس ئىبادەتخانىسىغا ئايال كاھىن قىلغان. يۇنان تراگېدىيە يازغۇچىسى ئېئورىپىدېس (Euripides) يازغان «ئىفىگېنىيە ئولىستا» ۋە «ئىفىگېنىيە تاۋىلار ئارىسىدا» دا ئىفىگېنىيە توغرىسىدىكى يۇقىرىقى ھېكايىلەر تەسۋىرلەنگەن.

ئىقبال

  • ئىقبال[يەشمىسى:]Muhammad Iqbāl، 1873 — 1938) پاكىستانلىق شائىر، پەيلاسوپ، پەنجاپ شتاتىنىڭ سىيالكوت دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. لاھور ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، كېيىن ئەنگلىيىنىڭ كېمبرىچ ۋە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا پەلسەپە ۋە قانۇن ئوقۇپ، 1908-يىلى دوكتور ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، لاھور ئىنستىتۇتىدا پەلسەپىدىن دەرس ئۆتكەن ھەمدە ئادۋوكات بولغان. ئىسلام دىنى ئىسلاھاتى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان. 1930-يىلى مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى ئاللائاباد يىللىق يىغىنىدا رەئىسلىككە سايلانغان. يىغىندا پەنجاپ، غەربىي شىمالدىكى چېگرا ئۆلكىلەر، سىند ۋە بېلوجىستاندا غەربىي شىمال ھىندىستان مۇسۇلمانلار دۆلىتىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1931-يىلى لوندون ئىككىنچى قېتىملىق يۇمىلاق جوزا يىغىنىغا قاتناشقان. ئوردو تىلى ۋە پارس تىلىدا شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. شېئىرلىرىدا ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك زۇلۇمى ئاستىدىكى خەلقنىڭ ئازابلىق تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى تەشۋىق قىلىپ، ۋەتەننىڭ تاغ-دەريالىرىنى مەدھىيىلىگەن. ئىسلام دىنى پەلسەپىۋى قائىدىلىرى شېئىرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، ئۇنىڭدا قەدىمكى پېرسىيىنىڭ مىستىتىزم شېئىرىي ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دىنىي پەلسەپىۋى نۇقتىئىنەزەرلىرىنى سىڭدۈرگەن. بۇ شېئىرلار ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقالغان. «پەنجاپ دېھقانلىرىغا»، «كارۋان قوڭغۇرىقى»، «مېنىڭ سىرىم»، «باشقىلارنىڭ سىرى»، «شىكايەت»، «ئىسلام دىنى ئىدىيىسىنىڭ قايتا تۇرغۇزۇلۇشى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ئىقتىسادۋازلار

  • ئىقتىسادۋازلار[يەشمىسى:]«ئىكونومىستلار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. روسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاغمىچى ئېقىم. ⅪⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى روسىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدە بارلىققا كەلگەن. پروكو پوۋىچ(Сертей Николаевич Прокопович، 1871—1955)، كۇسكۇۋا (Екатерина Дмитриевна Кускова، 1869 — 1958) قاتارلىقلار ۋەكىللىك قىلغان. ئۇلار ئىقتىسادىي كۈرەشكە بەكلا بېرىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق نام ئالغان. ئۇلار «ئىشچىلار ئىدىيىسى» گېزىتى ۋە «ئىشچىلار ئىشى» ناملىق ژۇرنالنى نەشىر قىلغان، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلاش ۋە ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش، ئىشچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى مەنپەئىتىنى كۆزلەش، زاۋۇت ئىگىلىرى بىلەن قانۇنىي ھالدا ئىقتىسادىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت؛ سىياسىي كۈرەش بولسا بۇرژۇئازىيە لىبېراللىرىنىڭ ئىشى، دەپ قارىغان. ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ستېخىيىلىكىگە چوقۇنۇپ، ئىنقىلابىي نەزەرىيىنىڭ يېتەكچىلىك رولىغا سەل قاراپ، ئىشچىلار سىنىپىنى ئىلمىي سوتسىيالىزم ئىدىيىسى بىلەن قوراللاندۇرۇشقا قارشى چىقىپ، سوتسىيالىزم ستېخىيىلىك ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ مەھسۇلى، دەپ قارىغان. تەشكىلىي جەھەتتە، بىرلىككە كەلگەن پرولېتارىياتنىڭ ئىنقىلابىي پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قارشى چىقىپ، پارتىيىنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى رەھبەرلىك رولىنى ئىنكار قىلغان. ئىقتىسادۋازلارنىڭ نۇقتىئىنەزەرىيىسى ئەمەلىيەتتە بېرنىشتېيىن رېۋىزىئونىزمىنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرىدىن ئىبارەت خالاس. لېنىن ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىقتىسادۋازلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادۋازلىق ئىدىيىۋى ئېقىمىنى ئۈزۈل-كېسىل تەنقىد قىلغان.

ئىقتىسادىي قانۇن

  • ئىقتىسادىي قانۇن[يەشمىسى:]يەنى «ئىقتىسادىي قانۇنىيەت».

ئىقتىسادىي قانۇنىيەت

  • ئىقتىسادىي قانۇنىيەت[يەشمىسى:]ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك ۋە مۇقەررەر ئىچكى باغلىنىش. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولماسلىقتەك ئوبيېكتىپ خۇسۇسىيەتكە ئىگە. كىشىلەر ئىقتىسادىي قانۇنىيەتنى يارىتالمايدۇ، ئۆزگەرتەلمەيدۇ ۋە يوقىتالمايدۇ. لېكىن ئۇنى سېزەلەيدۇ، تونۇيالايدۇ ۋە تەتبىقلىيالايدۇ. ئۇ تەبىئەت قانۇنىيىتى بىلەن ئوخشىمايدۇ، ئىقتىسادىي قانۇنىيەتنىڭ رولى جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە تاقىلىدۇ؛ شۇڭا سىنىپىي جەمئىيەتتە ئىقتىسادىي قانۇنىيەتنى تەتبىقلاش سىنىپنىڭ خاھىشىنى ئەكس ئەتتۈرمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. پەقەت سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە يەتكەندىلا كىشىلەر ئاڭلىق ھالدا ئىقتىسادىي قانۇنىيەتنى تەتبىقلاپ جەمئىيەت ئۈچۈن بايلىق يارىتالايدۇ. ئىقتىسادىي قانۇنىيەت ئاساسىي جەھەتتىن ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ؛ يەنى، بارلىق ئىجتىمائىي فورماتسىيىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئورتاق ئىقتىسادىي قانۇنىيەت بولىدۇ، مەسىلەن: ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ خاراكتېرىگە جەزمەن ئۇيغۇنلىشىش قانۇنى؛ بىرنەچچە خىل ئىجتىمائىي فورماتسىيىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئورتاق ئىقتىسادىي قانۇنىيەت بولىدۇ، مەسىلەن، تاۋار ئىشلەپچىقىرىشىدىكى قىممەت قانۇنى؛ مەلۇم بىر ئىجتىمائىي فورماتسىيىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان خاس ئىقتىسادىي قانۇنىيەت بولىدۇ، مەسىلەن، كاپىتالىستىك جەمئىيەتتىكى قوشۇمچە قىممەت قانۇنى.

ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتى

  • ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتى[يەشمىسى:] 1949-يىلى 1-ئايدا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، بۇلغارىيە، ۋېنگرىيە، پولشا، رۇمىنىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيە قاتارلىق دۆلەتلەر موسكۋادا كېلىشىش ئارقىلىق قۇرۇلغان. كېيىن ئالبانىيە (1949يىلى 2ئاي)، سابىق دېموكراتىك گېرمانىيە (1950-يىلى 9-ئاي)، موڭغۇلىيە (1962-يىلى 6-ئاي)، كۇبا (1972-يىلى 7-ئاي) ۋە ۋيېتنام (1978-يىلى 6-ئاي) قاتناشقان. يۇگوسلاۋىيە، فىنلاندىيە، ئىراق، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەن. لائوس، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە ئانگولا قاتارلىق دۆلەتلەر كۆزەتكۈچى قاتارىدا بەزى يىغىنلارغا قاتناشقان. 1961-يىلى 12-ئايدا مەزكۇر كومىتېتنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىدىن ئېتىبارەن، ئالبانىيە بۇ كومىتېتنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى توختاتقان. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتى قۇرۇلغاندا جاكارلىغان. مەقسىتى:باراۋەرلىك، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئىقتىسادىي ياردەم، تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. مەزكۇر كومىتېتنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتىدا كومىتېت يىغىنى، ئىجرائىيە كومىتېت، دائىمىي كومىتېت ۋە كاتىبات باشقارمىسى بولغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەخسۇس كەسپىي خاراكتېردىكى بىرقانچە ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار مەسىلەن: بىرلەشمە سانائەت تەشكىلاتى، خەلقئارا پولات-تۆمۈر سانائىتى ھەمكارلىق تەشكىلاتى، خەلقئارا خىمىيە سانائىتى ھەمكارلىق تەشكىلاتى، خەلقئارا شارىكلىق ئوق سانائىتى ھەمكارلىق تەشكىلاتى، خەلقئارا پەن-تېخنىكا ئاخبارات مەركىزى، بىرلەشمە ئاتوم ئېنېرگىيىسى تەتقىقات ئورنى، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بانكىسى ۋە خەلقئارا مەبلەغ سېلىش بانكىسى قاتارلىقلار بولغان. باش شتابى موسكۋادا تەسىس قىلىنغان.

ئىكتا

  • ئىكتا[يەشمىسى:]ئەرەبچىدىكى Ikta نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئەرەب ئىمپېرىيىسى مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارغا كىرىم مەنبەسى قىلىش ئۈچۈن ئىنئام قىلغان يەر. دەسلىپىدە مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئۇمەييە سۇلالىسى دەۋرىدە مەيدانغا كېلىپ، Ⅹ ئەسىرگە كەلگەندە ئەۋج ئالغان. قوبۇل قىلغۇچى مۇكتا (Muqta) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار دېھقانلاردىن يەر بېجى (خىراج) ۋە باشقا باج-سېلىقلارنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق بولسىمۇ، لېكىن يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى يوق. ئىكتا كۆلىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ. ۋاقتىغىمۇ چەك قويۇلغان.Ⅸ ئەسىردىن باشلاپ خەلىپە باش ۋالىيلارغا تەقدىم قىلغان يەرلەرمۇ ئىكتا دەپ ئاتالغان. فېئودالىزمنىڭ تەرەققىياتى ۋە فېئوداللىق ئەمەلنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىكتامۇ ئەمەلىيەتتە، ۋارىسلىق قىلىنىشقا، خۇسۇسىي ئىگىدارلىققا ئۆزگەرگەن. سالجۇقىلار ئىمپېرىيىسى ۋە موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە، ئىكتا تۈزۈمى داۋاملىق ساقلىنىپ كەلگەن. بۇ تۈزۈم ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىگىمۇ تارقالغان.

ئىكون سۇلتانلىقى

  • ئىكون سۇلتانلىقى[يەشمىسى:]«رۇم سۇلتانلىقى» غا قارالسۇن.

ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى

  • ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى[يەشمىسى:]چاۋشيەندە كورىيە ۋە لى سۇلالىلىرى دەۋرىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بيۇروكرات پومېشچىكلار سىنىپى. كورىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە خان جەمەتلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، تۆھپىكار ۋەزىرلىرى قاتارلىقلارنى گەۋدە قىلغان. سىللا مەزگىلىدىكى ئاقسۆڭەك مۇشتۇمزور تۆرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مۈلكىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى بەلگىلەيدىغان تۈزۈم. ئوردا مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندە مۈلكىي ئەمەلدارلارنىڭ ئورنى ئوردىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە بولغاچقا، مۈلكىي ئەمەلدارلار ياكى شەرقىي تەرەپتىكى ئەمەلدارلار دەپ ئاتالغان. ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ئورنى غەربىي تەرەپتىكى ئەمەلدارلار دەپ ئاتالغان. بۇلار بىرلەشتۈرۈلۈپ ھەربىي ۋە مۈلكىي ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى ياكى شەرقىي ۋە غەربىي ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى، قىسقارتىپ ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى دەپ ئاتالغان. ھۆكۈمەت تېرىلغۇ يەر، ئوتۇن ئورمانلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مەرتىۋە بويىچە ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرىغا يەر (تېرىلغۇ يەر) ۋە ئوتۇن (تاغ ئورمانزارلىقى) تەقسىم قىلىپ بەرگەن. بۇ ئۇلارنىڭ ئىجارە، باجسېلىق يىغىۋالىدىغان خۇسۇسىي يېرى بولۇپ، مائاش ئورنىدا شال ئالغان. لى خاندانلىقى كورىيە خاندانلىقىنىڭ بۇ كونا تۈزۈمىگە ۋارىسلىق قىلغان. لى خاندانلىقىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى ھوقۇقمەنپەئەت تالىشىپ كونىلىق تەرەپدارلىرى بىلەن مەرىپەتچىلەر (ئۆلىما) دىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە، مەرىپەتچىلەر يەنە شەرقچىلەر، غەربچىلەردىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھقا، بۇ ئىككىسى تېخىمۇ بۆلۈنۈپ، جەنۇبلۇقلار، شىماللىقلار، ئاقساقاللار، تالىپلاردىن ئىبارەت تۆت گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ، گۇرۇھلار كۈرىشى ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ تۇرغان. ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشى ۋە ئېزىشى دائىم مۆمىن پۇقرالار بىلەن قارا خەلقلەرنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. لى خاندانلىقىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى پەيدىنپەي زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. 1894-يىلى جياۋۇ ئىسلاھاتىدا ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىمتىيازىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان؛ بىراق ئەمەلىي ئۈنۈم كۆرۈلمىگەن. تاكى لى خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغىچە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.

ئىككى سىتسىلىيە پادىشاھلىقى

  • ئىككى سىتسىلىيە پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] ئىتالىيىدىكى فېئودال پادىشاھلىق، زېمىنى جەنۇبىي ئىتالىيە بىلەن سىتسىلىيە ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1504-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىسپانىيە پادىشاھلىقىغا بېقىنغان. 1713-يىلى سىتسىلىيە، ساۋويىيە گېرتسوگلىقىغا تەۋە بولغان. 1714-يىلى جەنۇبىي ئىتالىيە ئاۋسترىيىگە ئاجرىتىپ بېرىلگەن. 1720-يىلى ساۋويىيە گېرتسوگلىقى ئاۋسترىيىگە سىتسىلىيىنى بېرىش ھېسابىغا ساردىنىيە ئارىلىنى ئالغان. شۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي ئىتالىيە بىلەن سىتسىلىيە يېڭىباشتىن قوشۇلۇپ، ھابىسبۇرگلار خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئۆتكەن. 1735-يىلىدىن تارتىپ، پادىشاھلىق تەختىنى بوربۇن خاندانلىقىنىڭ ئىسپانىيە جەمەتى ئىگىلىگەن. دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان. يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى چوڭ پومېشچىكلارنىڭ قولىدا بولۇپ كاتولىك دىنى جەمئىيەتلىرىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان. 1779-يىلى نېئاپولدا قوزغىلاڭ بولۇپ، پاتېنوپا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1848 — 1849-يىللىرى يەنە ئىنقىلاب پارتلىغان، بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى باستۇرۇلغان. ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى داۋامىدا پۈتۈن مەملىكەت زېمىنى 1860-يىلى ساردىنىيە پادىشاھلىقى تەرىپىدىن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىككىنچى يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.

ئىككىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقى

  • ئىككىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىكى فېئودال دۆلەت (1187 — 1396). بىرىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقى 1018-يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغاندىن كېيىن، بۇلغارىيە خەلقى ئىزچىل ھالدا مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. 1185-يىلى ئاقسۆڭەك ئىۋان ئاسېن Ⅰ (Иван АсеньI، ؟ — 1196) ۋە پېتر ئاسېن (Петр Асень، ؟ — 1197) ئاكا-ئۇكا ئىككىسى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ۋىزانتىيىنىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قوشۇنىنى يوقاتقان. 1187-يىلى ۋىزانتىيە ھۆكۈمىتى بۇلغارىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان، مانا بۇ ئىككىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقىنىڭ دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىۋان ئاسېن Ⅱ (Иван Асень Ⅱ) تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (1218 — 1241)، لاتىن ئىمپېرىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ماكىدونىيە، سروس ۋە ئالبانىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى ئىشغال قىلغان. 1242-يىلدىن باشلاپ، موڭغۇللارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، دۆلەت كۈچى ئاجىزلاشقان. 1277 — 1280-يىللىرى ئىۋائىلو قوزغىلىڭى پارتلىغان. 1330-يىلى سېربىيىنىڭ بېقىندى دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغان. سېربىيە 1355-يىلى پارچىلانغاندىن كېيىن، يېڭىباشتىن مۇستەقىل بولغان. ئەمما يەرلىك فېئودال كۈچلەرنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن، تەخمىنەن 1365-يىلى دوبرۇجا، تىرنوۋو ۋە ۋىتىندىن ئىبارەت ئۈچ كىنەزلىككە بۆلۈنۈپ كەتكەن. تۈركلەر 1371-يىلى بۇلغارىيە ۋە سېربىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مالچا دەرياسىنىڭ يېنىدا مەغلۇپ قىلغان، ئاندىن كېيىن 1382-يىلى سوفىيىنى بېسىۋالغان، 1393-يىلى تىرنوۋونى ئىشغال قىلغان. 1396-يىلىغا كەلگەندە بۇلغارىيىنىڭ پۈتۈن زېمىنى تۈركلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، ئىككىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقى مۇنقەرز بولغان.

ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنى

  • ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:]يەنى «فرانسىيىنىڭ 1848-يىلدىكى ئاساسىي قانۇنى».

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى

  • ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى[يەشمىسى:] گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق فاشىستىك دۆلەتلەر قوزغىغان، ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆلىمى مىسلىسىز بولغان دۇنيا ئۇرۇشى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايون، 2 مىلياردتىن ئارتۇق ئاھالە بۇ ئۇرۇشقا تارتىلغان. ياپونىيە 1931-يىلى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىنى بېسىۋالغان، 1937يىلى يەنە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغىغان؛ گېرمانىيە ئاۋسترىيە بىلەن چېخوسلوۋاكىيىنى يۇتۇۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا (1938—1939)، ئىتالىيە بىلەن بىرلىشىپ ئىسپانىيىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا قوراللىق ئارىلاشقان (1936—1939)، ئىتالىيە ئېفىئوپىيىنى (1936) ۋە ئالبانىيىنى (1939) يۇتۇۋالغان. فاشىستىك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى جۇڭگو قاتارلىق ئېزىلگەن، تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان دۆلەتلەر خەلقلىرىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپ، جاھانگىر دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرغان. 1939يىل 9ئاينىڭ 1-كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسى پولشاغا ھۇجۇم قىلغان. 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغان. 1940-يىلى گېرمانىيە غەربىي سەپتە چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇم قوزغىغان: 4-ئايدا، دانىيە بىلەن نورۋېگىيىنى بېسىۋالغان؛ 5-ئايدا، گوللاندىيە، بىلگىيە ۋە ليۇكسېمبۇرگنى بېسىۋالغان ھەمدە فرانسىيە زېمىنىغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن؛ 6-ئايدا، فرانسىيە تەسلىم بولغان، ئەنگلىيە ئارمىيىسى غەربىي ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، گېرمانىيە شەرقىي جەنۇبى ياۋروپا ئەللىرىگە تاجاۋۇز قىلىشنى جىددىيلەشتۈرگەن؛ ئىتالىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى مۇستەملىكىلىرىنى تارتىۋالغان. ياۋروپا ۋە ئافرىقىدىكى ئىشغال قىلىنغان ئەللەرنىڭ خەلقى فاشىزمغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرغان. 1941يىل 6ئاينىڭ 22-كۈنى گېرمانىيە «سوۋېت-گېرمان ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» نى يىرتىپ تاشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى پارتلىغان. ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاق تەدرىجىي شەكىللەنگەن. 1941-يىل 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، ياپونىيە پيورل-خاربور پورتىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغان، ئەتىسى ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان، گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە ئامېرىكىغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان، تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتلىغان. ياپونىيە ئارمىيىسى پەقەت يېرىم يىل ئىچىدىلا مالايا، سىنگاپور، فىلىپپىن، ھىندۇنېزىيە، بىرما ۋە تىنچ ئوكياندىكى نۇرغۇنلىغان ئاراللارنى ئىشغال قىلغان. ئەمما جۇڭگو ئۇرۇش مەيدانىدا ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسىي ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان جۇڭگو خەلق قوراللىق كۈچلىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ياپون ئارمىيىسىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنى تىنچ ئوكياندا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان ھەمدە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ياپونغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىغا ئىلھام بەرگەن. ياۋروپادا، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇش مەيدانى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاساسىي ئۇرۇش مەيدانى بولغان. 1942-يىلى 11-ئايدا، سوۋېت ئارمىيىسى ستالىنگراد ئۇرۇش رايونىدا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن؛ 1943-يىلى 2-ئايدا، قورشاۋغا ئېلىنغان گېرمان ئارمىيىسىنىڭ خىللانغان قىسمى يوقىتىلغان. ستالىنگراد ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ۋەزىيىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، دۇنيا خەلقىنىڭ فاشىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىگە زور ئىلھام بەرگەن. مۇشۇ مەزگىلدە، ئامېرىكائەنگلىيە ئارمىيىسى 1942يىلى 11ئايدا شىمالىي ئافرىقىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئىككىنچى يىلى 5ئايدا گېرمانىيە-ئىتالىيە ئارمىيىسىنى شىمالىي ئافرىقىدىن قوغلاپ چىقارغان ھەمدە ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قۇرۇقلۇققا چىققان. 1943-يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئىتالىيە تەسلىم بولغان. 1944-يىل 6ئاينىڭ 6-كۈنى، ئەنگلىيە-ئامېرىكا ئارمىيىسى فرانسىيىنىڭ نورماند رايونىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ياۋروپادىكى ئىككىنچى فرونتنى ئاچقان. 1944-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، سوۋېت ئارمىيىسى گېرمان ئارمىيىسىگە داۋاملىق قوغلاپ زەربە بېرىپ، شەرقىي جەنۇبى ياۋروپا ئەللىرى خەلقلىرىنىڭ فاشىزمغا قارشى ئازادلىق كۈرىشىگە ماسلاشقان. 1945-يىلىنىڭ بېشىدا، سوۋېت ئارمىيىسى بىلەن ئەنگلىيە، ئامېرىكا ئارمىيىسى گېرمانىيە زېمىنىغا بىرقانچە تەرەپتىن بېسىپ كىرگەن. سوۋېت ئارمىيىسى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى بېرلىننى ئالغان. 5-ئاينىڭ 8-كۈنى گېرمانىيە شەرتسىز تەسلىم بولغان. گېرمانىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا كۈچىنى توپلاپ تىنچ ئوكياندا ھۇجۇم قوزغىغان، ئەمما ياپونىيىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن. 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋە 9-كۈنى، ئامېرىكا ياپونىيىنىڭ خروسىما، ناگاساكى شەھەرلىرىگە ئاتوم بومبىسى تاشلىغان. سوۋېت ئىتتىپاقى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. جۇڭگو خەلقى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ياپون ئارمىيىسىگە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. جۇڭگو خەلق قوراللىق كۈچلىرى ۋە سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى ئاستىدا، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى ئۈچ ئۆلكىسىدىكى ياپون ئارمىيىسى تېز يوقىتىلغان. 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ياپونىيە تەسلىم بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، 9-ئاينىڭ 2-كۈنى تەسلىمنامىگە ئىمزا قويغان. فاشىزمغا قارشى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان.

ئىككىنچى فرونت

  • ئىككىنچى فرونت[يەشمىسى:] ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، غەربىي ياۋروپادا ئاچقان فاشىست گېرمانىيىسىگە قارشى ئۇرۇش مەيدانىنى كۆرسىتىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1941-يىلى 7-ئايدا ئەنگلىيىگە ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئىككىنچى فرونت ئېچىش مەسىلىسىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويغان. 1942-يىلى 5-ۋە 6-ئايلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى ئەنگلىيە، ئامېرىكا بىلەن لوندون ۋە ۋاشىنگتوندا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، گىتلېر گېرمانىيىسىگە شەرق، غەرب، جەنۇب ئۈچ تەرەپتىن زەربە بېرىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ شۇ يىلى غەربىي ياۋروپادا ئىككىنچى فرونتنى ئېچىشى لازىملىقى ئېنىق بېكىتىلگەن. 1943-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېچىلغان تېھران يىغىنىدىمۇ، ئۈچ دۆلەت يەنە ئوخشاش قارار چىقارغان. ئەمما ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا «تەييارلىق تېخى پۈتمىدى» دېگەننى تەكىتلەپ، قايتا-قايتا ئارقىغا سوزغان. 1944يىل 6-ئاينىڭ 6-كۈنىگە كەلگەندە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قوشۇنلىرى فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى نورماند رايونىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ياۋروپادىكى ئىككىنچى ئۇرۇش مەيدانىنى ئاچقان. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ شەرقىي فرونتتىكى ئۇرۇشىغا ماسلىشىپ، فاشىست گېرمانىيىسىنى مەغلۇپ قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشتە زور رول ئوينىغان.

ئىككىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى

  • ئىككىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى[يەشمىسى:] قول سانائەت بىلەن دېھقانچىلىق ئوتتۇرىسىدىكى ئىش تەقسىماتىنى كۆرسىتىدۇ. قول سانائەت جەھەتتە، ئومۇمەن ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدا، تۆمۈردىن ياسالغان ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ئىشلىتىلىشكە باشلىغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن؛ ئەمما غەربىي ياۋروپا، مىسىر، ھىندى دەرياسى ۋادىسى، ئېگىې رايونى ۋە جۇڭگونىڭ برونزا قوراللار مەدەنىيىتى رايونىدا، مىس قوراللار بىلەن تاش قوراللار بىللە ئىشلىتىلىدىغان ياكى برونزا قوراللار دەۋرىدىلا يۈز بەرگەن. مىس قورال، برونزا قورال، تۆمۈر قوراللارنىڭ قوللىنىلىشى كەڭ كۆلەملىك ئېتىزلاردا تېرىقچىلىق قىلىش ۋە دەرەخلەرنى كېسىپ بوز يەر ئېچىشنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرغان. بۇ چاغدا دېھقانچىلىقتا دانلىق زىرائەتلەرنى تېرىغاندىن باشقا، يەنە باغۋەنچىلىك، ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىش، ياغ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ھاراق ئېچىتىش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللانغان، مېتاللارنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، ساپالچىلىق، كېمە ياساش، قۇرۇلۇش، كۆنچىلىك قاتارلىق كەسىپلەرمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تېز تەرەققىي قىلغان، تېخنىكىسى كۈنسايىن ياخشىلانغان. قول سانائەت بىلەن دېھقانچىلىقنىڭ مۇنچىۋالا كۆپ خىل پائالىيەتلىرىنى بىر ئادەم ياكى بىر تارماق ئېلىپ بارالمايدىغان بولۇپ قالغان، نەتىجىدە بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى (كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ قالغان ياۋايى قەبىلىلەردىن ئايرىلىپ چىقىشى) دىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى يۈز بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئەمگىكىنىڭ قىممىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، قۇللۇق تۈزۈمنى ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرغان. قول سانائەت بىلەن دېھقانچىلىقنىڭ ئىش تەقسىماتىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن تاۋار ئىشلەپچىقىرىش، تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ كۈنسايىن تەرەققىي قىلىشى ئۇرۇقداشلىق قەبىلىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى باي-كەمبەغەللىككە بۆلۈنۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇرۇقداش ئاقسۆڭەكلەر بىلەن پۇقرالار (دېھقانلار، قول ھۈنەرۋەن ۋەھاكازالار) نىڭ قارىمۇقارشىلىقىنى پەيدا قىلغان. شۇنداق قىلىپ، سىنىپىي جەمئىيەت ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئورنىنى ئالغان، لېكىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ جەرياننىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولمىغان.

ئىككىنچى ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنى

  • ئىككىنچى ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:] يەنى «بوناپارت ئاساسىي قانۇنى».

ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال

  • ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال[يەشمىسى:] پرولېتارىياتنىڭ بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىن كېيىنكى يەنە بىر خەلقئارالىق تەشكىلاتى. ھەرقايسى ئەللەردىكى سوتسىيالىزمچى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئىشچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىشىشىدىن بارلىققا كەلگەن. 1889-يىل 7-ئاينىڭ 14-كۈنى پارىژدا ئېچىلغان خەلقئارا سوتسىيالىستلار قۇرۇلتىيىدا قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. قۇرۇلتايغا ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى 22 دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزمچى سىياسىي پارتىيىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىدىن كەلگەن 393 ۋەكىل قاتناشقان. قۇرۇلغان دەسلەپكى دەۋردە، ئېنگېلسنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھۆكۈمەتسىزلىككە قارشى كۈرەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ماركسىزمنى كەڭ تارقىتىپ، ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىشچىلار تەشكىلاتلىرى ۋە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئەمما ئۇ چاغدا كاپىتالىزم بىرقەدەر تىنچ تەرەققىي قىلىش دەۋرىدە تۇرغانلىقتىن، ئوڭچىل ئاغمىچىلىق پىكىر ئېقىمى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىكى ھەرقايسى ئەللەر پارتىيىلىرىدە كۈنسايىن ئۆسۈپ بارغان. 1895-يىلى ئېنگېلس ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ خىل پىكىر ئېقىمى تېز تەرەققىي قىلىپ سىستېمىلىق شيۇجېڭجۇيىغا ئايلانغان ھەمدە بىرنېشتېين ۋەكىللىكىدىكى ئوڭچىلار ۋە كائوتىسكى ۋەكىللىكىدىكى «ئوتتۇرىدىكى» رېۋىزىئونسىتلار ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن، ئۇلار ماركسىزمنى ئۆزگەرتىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇرژۇئازىيە ئىسلاھاتچىلىقىنى تەرغىپ قىلىپ، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. لېنىن باشچىلىقىدىكى روسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىنقىلابىي سولچىلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇلارغا قارشى مۇرەسسەسىز كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ماركسىزمنى قوغدىغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقان زور كۆپچىلىك پارتىيىلەر پرولېتارىياتقا ئاشكارا ئاسىيلىق قىلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ بۇرژۇئا ھۆكۈمىتىنى قوللاپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى ھىمايە قىلىپ، چۈشكۈنلىشىپ سوتسىيال شوۋېنىزمچى پارتىيىلەرگە ئايلىنىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال بەربات بولغان. ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ھەر قېتىملىق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئېچىلغان ۋاقتى ۋە ئورنى:بىرىنچى قۇرۇلتىيى: 1889-يىل 7-ئاينىڭ 14 — 21-كۈنلىرى، فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە.ئىككىنچى قۇرۇلتىيى: 1891-يىل 8-ئاينىڭ 16 — 22-كۈنلىرى، بىلگىيىنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە.ئۈچىنچى قۇرۇلتىيى: 1893-يىل 8-ئاينىڭ 6 — 12-كۈنلىرى، شۋېتسارىيىنىڭ سيۇرېخ شەھىرىدە.تۆچى قۇرۇلتىيى: 1896-يىل 7-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە.بەشىنچى قۇرۇلتىيى: 1900-يىل 9-ئاينىڭ 23 — 27-كۈنلىرى، فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە.ئالتىنچى قۇرۇلتىيى: 1904-يىل 8-ئاينىڭ 14 — 20-كۈنلىرى، گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شەھىرىدە.يەتتىنچى قۇرۇلتىيى: 1907-يىل 8-ئاينىڭ 18 — 24-كۈنلىرى، گېرمانىيىنىڭ شتوتگارت شەھىرىدە.سەككىزىنچى قۇرۇلتىيى: 1910-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە، دانىيىنىڭ كوپېنھاگېن شەھىرىدە.توققۇزىنچى قۇرۇلتىيى: 1912-يىل 11-ئاينىڭ 24 — 25-كۈنلىرى، شۋېتسارىيىنىڭ بارسېل شەھىرىدە.

ئىككىنچى ئىيۇن قوزغىلىڭى

  • ئىككىنچى ئىيۇن قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە، پارىژ خەلقى گېروندىچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن قوزغىغان قوراللىق قوزغىلاڭ. 1792-يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندىن كېيىن، ھوقۇق تۇتقان گېروندىچىلار فېئوداللىق مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ئۈزۈل-كېسىل ئەمەلدىن قالدۇرالمىغان ۋە چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا ئۈنۈملۈك قارشى تۇرالمىغان ئەھۋالدا ياكوبىنچىلارنى ۋە پارىژ كوممۇنىسىنى يوقاتماقچى بولغان، بۇ مەملىكەت ئىچىدىكى سىنىپىي زىددىيەتنى ناھايىتى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتكەن. ياكوبىنچىلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلانغان، 1793-يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، مارات باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش كومىتېتىنى قۇرغان ھەمدە خانرىئوت (Francos Hanriot، 1761 —1794) نى خەلق قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلىگەن، 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، پارىژنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن خەلق ئۇيۇشمىسىنى قورشىۋېلىپ، «12 كىشىلىك كومىتېتنى بىكار قىلىش» نى، گېروندىچىلاردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقىرىشنى، «گېروندىچىلارنىڭ باشلىقىنى سوتلاش» نى تەلەپ قىلغان. خەلق ئۇيۇشمىسى گەرچە «12 كىشىلىك كومىتېت» نى تارقىتىۋېتىشنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، بىراق گېروندىچىلاردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقىرىشنى رەت قىلغان. 6-ئاينىڭ 2-كۈنى پارىژ خەلقى يەنە بىر قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. مارات ئۆزى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوڭغۇراق بىناسىغا كېلىپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەرگەن، خانرىئوت 80 مىڭ خەلق قوغدىنىش ئارمىيىسىنى باشلاپ يەنە بىر قېتىم خەلق ئۇيۇشمىسىنى قورشىۋالغان، خەلق ئۇيۇشمىسى گېروندىچىلاردىن بولغان 29 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنىڭ غەلىبىسى فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىككى يېرىمىنچى ئىنتېرناتسىئونال

  • ئىككى يېرىمىنچى ئىنتېرناتسىئونال[يەشمىسى:] «سوتسىيالىستلار پارتىيىلىرى خەلقئارا ئىشچىلار بىرلەشمىسى» گە قاراڭ.

ئىكېدا ماياتو

  • ئىكېدا ماياتو[يەشمىسى:]1899—1965) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1960—1965). خىروسىما ناھىيىسىدە پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. باش باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، مالىيە ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەمەلدارى بولغان. 1949-يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۈچىنچى نۆۋەتلىك يوشىدا كابىنېتىدا مالىيە ۋەزىرى بولغان، قوشۇمچە سودا-سانائەت ۋەزىرى بولغان؛ تۆتىنچى نۆۋەتلىك يوشىدا كابىنېتىدا سودا-سانائەت ۋەزىرى بولۇپ، يوشىدا شىگېرونىڭ ئىشەنچسىگە ئىگە بولغان. يەنە ئىشىباشى كابىنېتى ۋە كىشىنوبو كابىنېتىدا مالىيە ۋەزىرى، سودا-سانائەت ۋەزىرى بولغان. 1955يىلى لىبېرال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باش ھۆكۈمدارى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ قېتىم كابىنېت تەشكىل قىلىپ «مىللىي دارامەتنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش پىلانى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «يۈكسەك دەرىجىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن» ئىقتىسادىي سىياسەتنى يۈرگۈزگەن. «مالىيەنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» دېگەن ئەسىرى بار.

ئىكېدايا ۋەقەسى

  • ئىكېدايا ۋەقەسى[يەشمىسى:] ياپونىيە توكۇگاۋا شوگوناتى دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا، شوگوناتلىقتىكى سەرگەردان سامۇرايلار گۇرۇھىنىڭ تىننونى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قاقىدىغان زاتلارنى قىرغىن قىلىش ۋەقەسى. 1863يىل 8ئاينىڭ 18كۈنى (مىلادى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى) سىياسىي ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن، جايلاردىكى ئىرادىلىك كىشىلەر كيوتوغا ئارقا-ئارقىدىن يوشۇرۇن كىرىپ، ماتسۇدا-ئىراكاتامورى قاتارلىقلارنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتكەن. 1864-يىل 7-ئاينىڭ 8-كۈنى چىگولۇق مىيابې تېزۇ؛ چوشولۇق يوشىدا مىنورومارۇ، توسالىق كىتاسوئى تاداشى مارو قاتارلىق 30 نەچچە زات كيوتو ئۈچ كۆۋرۈك يېنىدىكى ئىكېدايا مېھمانخانىسىدا يىغىن ئېچىۋاتقاندا، شوگونات يېڭىدىن تەشكىللىگەن 50 كىشىنى ۋە ئائىزۇ، كۇۋانا ۋاسساللىقلىرىنىڭ لەشكەرلىرىنى ئەۋەتىپ باستۇرغان. كەسكىن جەڭ قىلىش نەتىجىسىدە مىيابې قاتارلىق توققۇز كىشى ئۆلتۈرۈلگەن، تۆت كىشى يارىلانغان، بەش كىشى قولغا ئېلىنغان، مۇشۇ ۋەقە سەۋەبىدىن چوشۇ ۋاسساللىقى كيوتوغا لەشكەر تارتىشنى قارار قىلىپ، ئوردا دەرۋازىسى ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئىگور

  • ئىگور[يەشمىسى:]Игор، تەخمىنەن 877—945) كيېۋ رۇس كىنەزى (912—945).ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رىيۇرىك (Рюрик) نىڭ ئوغلى بولۇپ، رىيۇرىك خاندانلىقىنى قۇرغۇچى ئىكەن. تەختتىكى مەزگىلىدە ئولېگىنىڭ ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرغان، ئولچىلار (Ulichic) درېۋلىيانلار (Drevlians) ۋە پېچېنەكلەر (Pechenegs) كېيىۋ رۇسلىرىغا بويسۇنغان، يەنە كاسپى دېڭىزى بويلىرىغىچە يۈرۈش قىلغان، زېمىنىنى كېڭەيتىپ، قارا دېڭىزغا تۇتىشىدىغان سودا يوللىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، مىلادى 941-، 944-يىللىرى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلغان. بىرىنچى قېتىمدا مەغلۇپ بولغان، ئىككىنچى قېتىمدا 944-يىلى يېڭى سۈلھ شەرتنامە تۈزۈش بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان. لېكىن يېڭى سۈلھ شەرتنامە رۇسقا 911-يىلى ئولگ تۈزگەن شەرتنامىدەك پايدىلىق بولمىغان، 945-يىلى، ئىگور ئولپان يىغقىلى چىققاندا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن درېۋلىيانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

ئىگورنىڭ يىراققا يۈرۈش خاتىرىسى

  • ئىگورنىڭ يىراققا يۈرۈش خاتىرىسى[يەشمىسى:] قەدىمكى رۇس داستانى. تەخمىنەن Ⅻ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا كىتاب بولۇپ پۈتۈپ چىققان. داستاندا نوۋگوردسېلۋىلىيە كىنەزى ئىگور سىۋياتوسلاۋىچ (Игорь Святославич، 1151 — 1202) نىڭ 1185-يىلى پولوۋسلار ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ، يېڭىلىپ ئەسىرگە چۈشۈپ، كېيىن خەۋپ-خەتەرلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە خاتىرىلەنگەن. ئەسەردە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى مەدھىيىلىنىپ، جايلاردىكى كىنەزلەرنى ئىچكى نىزانى تۈگىتىپ، رۇسلارنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىرىق قىلىنغان.

ئىگىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەمئىيىتى

  • ئىگىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەمئىيىتى[يەشمىسى:] بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان تۈركىيە خەلقىنىڭ ئانتانتا دۆلەتلىرى تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى. 1918-يىلى تۈركىيە مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئانتانتا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سودا بۇرژۇئازىيىسىنى يادرو قىلغان، ھەرقايسى تەبىقە ئاممىسى قاتناشقان ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى — ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيىتىنى قۇرغان. 1919يىلى 7-، 9-ئايلاردا مۇستافا كامال مەملىكەت ئىچىدە جەمئىيەت ۋەكىللىرى يىغىنى چاقىرىپ، جەمئىيەتنىڭ نىزامنامىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە مۇراجىئەت چىقىرىپ، زېمىن پۈتۈنلۈكى، مۇداخىلىگە قارشى تۇرۇش، ئىشغالىيەتكە قارشى تۇرۇش ھەمدە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پرىنسىپىنى تەكىتلىگەن ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتلىك بىرلىككە كەلگەن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيىتىنى تەشكىللەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1923-يىلى مۇستافا كامال بۇ تەشكىلات ئاساسىدا «خەلق پارتىيىسى» نى قۇرۇپ چىققان.

ئىلاھپەرەستلەر توپىلىڭى

  • ئىلاھپەرەستلەر توپىلىڭى[يەشمىسى:] ياپونىيىدىكى كۇماموتو سامۇرايلىرىنىڭ يېڭىلىق ھۆكۈمىتىگە قارشى توپىلىڭى. 1872-يىلى ئوتاگورا توموئو (1835 — 1876) قاتارلىق كۇماموتو سامۇرايلىرى ئىلاھپەرەستلەر بولۇپ تەشكىللەنگەن. كونىلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئەجنەبىيلەرنى يەكلەشنى تەشەببۇس قىلىپ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېچىۋېتىشكە قارشى چىققان. ھۆكۈمەت «قىلىچنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى» (سامۇرايلارنىڭ قىلىچ ئېسىشىنى مەنئى قىلىش) جاكارلىنىپ يېرىم يىلدىن كېيىن، 1876يىل 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئوتاگورا قاتارلىق 170 تىن ئارتۇق ئادەم كۇماموتودا ئەسكەر توپلاپ، توپىلاڭ قوزغاپ، باسقاقبەگ ئىروتاماسائالى بىلەن ناھىيە ئامبىلى ياسۇئوتامىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئىككىنچى كۈنى توپىلاڭ باسقاقبەگنىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان، توپىلاڭچىلارنىڭ كۆپ قىسمى جەڭدە ئۆلگەن ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

ئىلاھ را

  • ئىلاھ را[يەشمىسى:]Ra ياكى Re)، قەدىمكى مىسىر قۇياش ئىلاھى. را قەدىمكى مىسىرنىڭ ئەپسانىلىرىدە ئالەم، ئىلاھلار ۋە ئىنسانلارنى ياراتقۇچى دېيىلگەن. ئەڭ دەسلەپتە، راغا چوقۇنۇش مەركىزى تۆۋەنكى مىسىردىكى ئەن شەھىرى (An ياكى On، يۇنانلىقلار ئۇنى ھېلىئوپولس يەنى «قۇياش شەھىرى» Heliopolis دەپ ئاتىغان) بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ (قەدىمكى پادىشاھلىق دەۋرى)، را تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالىي ئىلاھىغا ئايلانغان. تۆتىنچى سۇلالىنىڭ فىرئەۋنى ئۆزىنى «رانىڭ ئوغلى» دەپ ئاتاپ، رافىرئەۋىن كافرا، مېنكا ئۇرالارنىڭ ئىسمىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. رانىڭ تەسۋىرىي يېزىقى بىر چەمبەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر چېكىت قويۇلغان شەكىل (قۇياشقا سىمۋول قىلىنغان) دىن ئىبارەت بولۇپ، كېيىنچە ھېلۇس ئىلاھ (بۈركۈت) بىلەن قوشۇپ، ئىككى قاناتلىق كۈن چەمبىرىكىگە ئايلاندۇرۇلغان. ئوتتۇرا پادىشاھلىق دەۋرىدە تېبېسنىڭ ئامون ئىلاھى (يەنە بىر قۇياش ئىلاھى) پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالىي ئىلاھلىقىغا كۆتۈرۈلگەن، شۇڭا كۆپ ھاللاردا ئىلاھ را بىلەن قوشۇپ «ئامون-را ئىلاھ» دەپ ئاتالغان.

ئىلاھلار بۇتخانىسى

  • ئىلاھلار بۇتخانىسى[يەشمىسى:] رىم ئىلاھلار ئىبادەتخانىسى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. يەنى «فانتېئون» غا قاراڭ.

ئىلتىپات قىلىنغان ئىمتىياز

  • ئىلتىپات قىلىنغان ئىمتىياز[يەشمىسى:] لاتىنچە immunitas دېگەن سۆزدىن كەلگەن. ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادىكى فېئودال خوجىدارلارنىڭ ئۆز خوجىلىق يېرىدە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك ئىمتىيازى. مىلادى Ⅸ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن كېيىن، سۇيۇرغال يەرلەر تەدرىجىي ھالدا ۋارىسلىق قىلىنىدىغان خوجىلىق يەرگە ئايلانغان. خوجىدارلار خوجىلىق يەردىكى مەمۇرىي، ئەدلىيە، ھەربىي ۋە مالىيە قاتارلىق ھوقۇقلارنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان. پادىشاھ مەرتىۋە بېرىش يولى بىلەن قانۇن جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان ھەمدە مۇشۇنىڭغا ئاساسەن پادىشاھ ئەمەلدارلىرىنىڭ خوجىلىق يەرلەرگە كىرىپ ھوقۇق يۈرگۈزۈشى مەنئى قىلىنغان. مانا بۇ ئاتالمىش ئىلتىپات قىلىنغان ئىمتىياز. خوجىدارلار ئىلتىپات قىلىنغان ئىمتىيازدىن پايدىلىنىپ يانچىلارغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە سىياسىي زۇلۇمنى كۈچەيتكەن. ⅩⅣ — ⅩⅢ ئەسىرلەردە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، خوجىدارلارنىڭ ئىلتىپات قىلىنغان ئىمتىيازى ئۈزلۈكسىز ئاجىزلاشقان.

ئىلتىپات ئىزدەپ تاۋاپ قىلىش

  • ئىلتىپات ئىزدەپ تاۋاپ قىلىش[يەشمىسى:] 1536 — 1537-يىللىرى ئەنگلىيىنىڭ لىنكولىن، يوركتىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايىتىدە پارتلىغان قوزغىلاڭ. بۇ قوزغىلاڭ دىنىي تاۋاپ قىلىشنى نىقاب قىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئاساسەن دېھقانلار ئاممىسىدىن باشقا يەنە ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىخ Ⅷ نىڭ دىنىي ئىسلاھات سىياسىتىدىن نارازى بولغان كاتولىك مىسسىئونېرلىرى ۋە ئاقسۆڭەكلەر بولۇپ 30 مىڭدىن كۆپرەك كىشى قاتناشقان، رەھبىرى كىچىك ئاقسۆڭەك روبېرت ئاسكې (Robert Aske، ؟— 1537). قوزغىلاڭچى دېھقانلار يېزا جامائەسى يەرلىرىنى دائىرىلىۋېلىشنى مەنئى قىلىش، كونا يەر ئىجارە نىسبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھېنرىخ Ⅷ نورفولك گېرتسوگنى ئەۋەتىپ بىر تەرەپتىن ساختىپەزلىك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى پارچىلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەكسىيەتچىل قوراللىق قوشۇنىنى يۆتكەپ كېلىپ باستۇرغان، شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.

ئىللىرىيە

  • ئىللىرىيە[يەشمىسى:]Illyricum ياكى Illyia) قەدىمكى يەر نامى. بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا، ئادىرىئاتىك دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقى (ھازىرقى يۇگوسلاۋىيىنىڭ غەربىي شىمال دېڭىز بويى رايونى) غا جايلاشقان. ئاھالىسى ئىللىرىيىلىكلەر دەپ ئاتىلىپ، دائىم دېڭىز قاراقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە، ھەرقايسى قەبىلىلەر بىرلىشىپ دۆلەت قۇرغان؛ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، رىم ئارقا-ئارقىدىن بېسىپ كىرىپ (بىرىنچى، ئىككىنچى قېتىملىق «ئىللىرىيە ئۇرۇشى» دېگەن شۇ)، ئۇنى بويسۇندۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە رىم تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، رايونلارغا بۆلۈپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان؛ ئۇنىڭدىن كېيىن رىمنىڭ بىر ئۆلكىسى (ئىللىرىيە ئۆلكىسى) قىلىنغان. دېڭىز بويىدا سالونا (Salona) قاتارلىق مەشھۇر شەھەرلىرى بار. Ⅵ _ Ⅴ ئەسىرلەردە گوتلار ۋە سلاۋىيانلار ئولتۇراقلاشقان.

ئىللىرىيە ئۆلكىسى

  • ئىللىرىيە ئۆلكىسى[يەشمىسى:] 1809 — 1814-يىللىرى فرانسىيىدىكى ناپولېئون بالقان يېرىم ئارىلىدا قۇرغان مەمۇرىي ئورۇن. 1809-يىلى ناپولېئون ئاۋسترىيە قوشۇنىنى يەنە بىر قېتىم يېڭىپ، «ۋېنا شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، ئاۋسترىيىنى كرودىيىنىڭ غەربى ۋە پۈتۈن دېڭىز بويى رايونلىرىنى كېسىپ بېرىشكە مەجبۇر قىلغان. شەرتنامىدە يەنە كارنېئورا، كارىنتىيىنىڭ غەربىي قىسمى، گراز، ئىستىرىيە، كرودىيىنىڭ بىر قىسمى، دالماتسىيە ۋە لاگوسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ رايوننى ئىللىرىيە مەمۇرىي ئۆلكىسى قىلىپ قۇرۇش ۋە ئۇنى فرانسىيە ئىمپېرىيىسىگە قوشۇۋېتىش بەلگىلەنگەن. فرانسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، تۆمۈريول ياسىلىپ، مەمۇرىي تۈزۈملەر قايتىدىن بېكىتىلىپ، «ناپولېئون قانۇنى» يولغا قويۇلۇپ، پوچتا ئىدارىلىرى قۇرۇلۇپ، سودا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، يەرلىك مەدەنىيەت ۋە ئىگىلىك ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 1814-يىلى فرانسىيە بۇ ئۆلكىدىن ۋاز كەچكەن. 1815-يىلى ۋېنا يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، بۇ رايون ئاۋسترىيىگە قوشۇۋېتىلگەن.

ئىلمىي سوتسىيالىزم

  • ئىلمىي سوتسىيالىزم[يەشمىسى:] ئىلمىي كوممۇنىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ماركسىزمنىڭ ئۈچ تەركىبىي قىسمىنىڭ بىرى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى بارلىققا كېلىپ، «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» دە ئېلان قىلىنىش بىلەن نامايەندە بولغان. ماركسىزملىق پەلسەپە بىلەن سىياسىي ئىقتىسادنى نەزەرىيىۋى ئاساس قىلغان پرولېتارىيات ئازادلىقىنىڭ شەرتى ھەققىدىكى تەلىمات. يەنى: سىنىپىي كۈرەش، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى، سوتسىيالىزم قۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدىكى ئىلمىي نەزەرىيە بولۇپ، كاپىتالىزمنىڭ مۇقەررەر ھالاك بولىدىغانلىقى ۋە سوتسىيالىزم بىلەن كوممۇنىزمنىڭ مۇقەررەر غەلىبە قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى ئېچىپ بېرىپ، پرولېتارىياتنىڭ كاپىتالىزمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سوتسىيالىزم بىلەن كوممۇنىزمنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ تارىخىي ۋەزىپىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇنىڭدا، پرولېتارىيات سىنىپىنىڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى يولى؛ پرولېتارىيات سىياسىي پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك رولى؛ سىنىپىي كۈرەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى ئورنىتىش؛ ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى تەدرىجىي يوقىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇش؛ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ سىنىپىي قارىمۇ قارشىلىق ۋە سىنىپىي پەرقنى تەلتۆكۈس يوقىتىش؛ پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، پرولېتارىياتنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئازاد قىلىش كۈرىشى جەريانىدا، ئاخىرى ئۆزىنى ئازاد قىلىشى قاتارلىقلار شەرھلەنگەن. ماركس، ئېنگېلس ئىلمىي سوتسىيالىزمنى ياراتقۇچىلار. لېنىن، ستالىن ۋە ماۋزېدۇڭ يېڭى تارىخىي شارائىتتا، ئىلمىي سوتسىيالىزم نەزەرىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۈكسەك ئىلمىيلىك بىلەن پرولېتارىياتنىڭ ئىنقىلابىيلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي سوتسىيالىزمنى پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى ۋە ئېزىلگۈچى خەلق، ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ ئىنقىلابىي كۈرىشىدىكى قۇدرەتلىك ئىدىيىۋى قورالىغا، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ ھەرىكەت قىبلىنامىسىگە ئايلاندۇرغان. 

ئىلمىي كوممۇنىزم

  • ئىلمىي كوممۇنىزم[يەشمىسى:] يەنى «ئىلمىي سوتسىيالىزم».

ئىلىكخان خانلىقى

  • ئىلىكخان خانلىقى[يەشمىسى:] موڭغۇللارنىڭ تۆت چوڭ خانلىقىنىڭ بىرى. 1253-يىلى، ھىلاكۇ موڭغۇل خانى مۈڭكۈنىڭ پەرمانىغا بىنائەن 130 مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ، ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ غەربكە يۈرۈش قىلغان. 1256يىلى، پۈتۈن ئىراننى ئىشغال قىلىپ دۆلەت قۇرغان. 1258-يىلى، باغدادقا بېسىپ كىرىپ، خەلىپىنى ئۆلتۈرۈپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا غەربكە يۈرۈش قىلىپ، دەمەشقنى ئىگىلىگەن. زېمىنى شەرقتە ئامۇ دەرياسىدىن باشلىنىپ، غەربتە ئوتتۇرا دېڭىز، شىمالدا كاپكاز، جەنۇبتا ئەرەب دېڭىزىغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تەبرىزنى پايتەخت قىلغان. كېيىن يۈەن سۇلالىسىنىڭ تۇنجى پادىشاھى قۇبلاي ھىلاكۇغا «ئىلىكخان» (Ilkhan، قەبىلە باشلىقى دېگەن مەنىدە) دېگەن نام بەرگەن. ئاباكا (Abaka) ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە (1265 — 1282) دە، ئالتۇن ئوردا خانلىقى بىلەن چاغاتاي خانلىقى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى بېسىپ كىرگەن. 1270-يىلى، چاغاتاي خانلىقىنى مەغلۇپ قىلغان، لېكىن يەنە مىسىر مەملۇكلەر سۇلالىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، سۈرىيە ۋە پەلەستىنگە بېسىپ كىرىپ، مەغلۇپ بولغان. 1295-يىلى غازانخان تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلەپ، نامىنى سۇلتان دەپ ئۆزگەرتكەن؛ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلىم-پەن ئەھلىلىرىنى مۇكاپاتلىغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ مەملىكەت ئىچى قالايمىقانلىشىپ، بۆلۈنۈش گىردابىغا بېرىپ قالغان. 1353-يىلى دۆلەت ھالاك بولغان.

ئىلىن

  • ئىلىن[يەشمىسى:]Ильин 1895 — 1953) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى ئىليا ياكوۋلېۋىچ مارشاك (Илья Яковлевич Маршак). 1925-يىلى لېنىنگراد سانائەت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. كۆپلىگەن ئاممىباب پەننىي ئەسەرلەرنى يازغان، مەسىلەن: «100 مىڭ نېمە ئۈچۈن»، «بەش يىللىق پىلان توغرىسىدا ھېكايە»، «تاغ ۋە ئادەم» ۋە «سەييارىلەرنى ئۆزگەرتىش» قاتارلىقلار.

ئىلىندون قوزغىلىڭى

  • ئىلىندون قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] 1903-يىلى ماكىدونىيە خەلقىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مىللىي ئازادلىق كۈرىشى. 2-ئاۋغۇست سېن ئىلېيا كۈنى پارتلىغانلىقى، دىن كالېندارىدا بۇ كۈن ئىلىندون بايرىمى بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. قوزغىلاڭ پارتلىغاندىن كېيىن، ماكىدونىيىنىڭ پۈتكۈل غەربىي جەنۇب قىسمىغا تېز كېڭەيگەن. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى كروشېۋو (Крушево) شەھىرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، يەرلىك بۇلغارىيىلىكلەر، ۋالاخىيىلىكلەر ۋە گرېتسىيىلىكلەر بىرلىشىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان. قوزغىلاڭ ماكىدونىيىنىڭ باشقا رايونلىرىدىكى خەلقنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى 200 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن يۆتكەپ كېلىپ باستۇرغان. قوزغىلاڭچىلار ئۈچ ئاي قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ ئاخىرى مەغلۇپ بولغان. 200 دىن ئارتۇق يېزا ۋەيران بولغان. 5000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن. 70 مىڭ ئادەم يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ، سەرسان بولغان، 30 مىڭ ئادەم بۇلغارىيىگە قېچىپ كەتكەن.

ئىلياگورچاكوۋ

  • ئىلياگورچاكوۋ[يەشمىسى:]Илья Горчаков، ؟ — 1607) يەنە بىر ئىسمى ئىۋان گورچاكوۋ (Иван Горчаков). ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى روسىيە دېھقانلىرىنىڭ فېئودالىزمغا قارشى قوزغىلىڭىنىڭ داھىيسى. ئەسلىدە مۇرۇم (Муром) شەھىرىلىك سودا-سانائەتچى. 1606يىلى يازدا، بوروتىنكوۋ قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 11-ئايدا ئۆزىنى چار پادىشاھ فېدور ئىۋانوۋىچ (1584—1598يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ «شاھزادىسى» پېتىر دەپ ئاتاپ، ئاستىراخاننىڭ يېنىدىكى تېرەك (Tepek) دېگەن شەھىرىدە دېھقانلار ۋە ھاكازاكلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، چار پادىشاھ ۋاسلىي شۇيىسكىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى باشلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، 1607-يىلى 5-ئايدا بوروتىنكوۋ باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بىلەن تۇلا شەھىرىدە ئۇچراشقان. شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغان ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە بىللە قارشى تۇرۇپ، جەڭنى تۆت ئاي داۋاملاشتۇرغان. كېيىن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئۇفا دەرياسىغا تۇغان سېلىپ، دەريا سۈيىنى تۇلا شەھىرىگە باشلىغاندا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى چار پادىشاھ شۇيىسكى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە 1607-يىلى 10-ئايدا تەسلىم بولغان. گورچاكوۋ بىلەن بوروتىنكوۋ موسكۋاغا يالاپ ئېلىپ كېلىنگەن، چار پادىشاھ ۋەدىسىدە تۇرماي گورچاكوۋنى ئۆلتۈرگەن. ئىككىنچى يىلى بوروتىنكوۋنىمۇ ئۆلتۈرگەن.

ئىمام

  • ئىمام[يەشمىسى:] ئەرەبچىدىكى Imām نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، «ئالدىنقى قاتاردا تۇرغۇچى»، «ئاتامان»، «ئۈلگە بولغۇچى»، «ئۆرنەك» دېگەن مەنىلەردە. (1) مۇسۇلمانلار كوللېكتىپ ناماز ئوقۇغاندا نامازخانلارغا باشچىلىق قىلغۇچىنى كۆرسىتىدۇ. (2) مەسچىتنىڭ دىنىي باشلىقىنى كۆرسىتىدۇ. (3) ئىسلام دىنى سۈننىلا مەزھىپىنىڭ خەلىپىسىنى ئاتىشى (پادىشاھ بىلەن ئوخشاش مەنىدە)؛ مەشھۇر دىنىي ئۆلىمالار ۋە ئىلمىي فىقھ (Ilmal Fikh) مەزھەپلىرىگە ئاساس سالغۇچىلارنى ئاتاشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. (4) ئىسلام دىنىدىكى شىئەلەرنىڭ ئۆز ئاقساقالىنى سۈننىلارنىڭ خەلىپىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاتايدىغان نامى.

ئىمام بوندجول

  • ئىمام بوندجول[يەشمىسى:]Tuanku Imam Bondjol، 1772 — 1864) ھىندۇنېزىيىنىڭ گوللاندىيىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ داھىيسى. ئەسلى ئىسمى مالىم خاسا (Malim Hasa)، سوماترانىڭ بوندجول رايونىدا ئىسلام دىنىنىڭ پادېرى (Paderi) يېڭى مەزھىپىنى تەشكىللىگەنلىكى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1830-يىلىدىن باشلاپ گوللاندىيىگە قارشى قوراللىق كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان، 1837-يىلى بوندجول قولدىن كەتكەندىن كېيىن، قولغا ئېلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان، «پادېرى ئۇرۇشى» غا قارالسۇن.

ئىمپېراتور

  • ئىمپېراتور[يەشمىسى:]لاتىنچە imperator نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، «بۇيرۇق بەرگۈچى» دېگەن مەنىدە. قەدىمكى رىم باش قوماندانلىرىنىڭ ھۈرمەت نامى. «بۈيۈك سەركەردە» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. رىم جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ھەربىي باش قوماندانلار (كۆپىنچىسى كونسۇل) نىڭ سىرت بىلەن بولغان ئۇرۇشتا غەلىبە قازانغانلىرى بۇ شەرەپ ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان (ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقىچە). ئاۋگۇست (ئوكتاۋىيان) پادىشاھلىق تۈزۈم ئورنىتىپ، ئىمپېراتورنى رىم پادىشاھلىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىدىغان نامىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆمۈربويى بەھرىمەن بولغاچقا، «پادىشاھ» دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرگەن. غەرب يېزىقلىرىدىكى «كورۇل» دېگەن سۆز كۆپىنچە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان. مەسىلەن: ئىنگلىزچە emperor، فرانسۇزچە emperour قاتارلىقلار.

ئىمپېراتور ئالېكساندر

  • ئىمپېراتور ئالېكساندر[يەشمىسى:]Alexandros ياكى Alexander the Great، مىلادىدىن ئىلگىرى 356 — 323) ماكىدونىيە پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 336 — 323)، ئالېكساندر ئىمپېرىيىسىنى قۇرغۇچى («ئىمپېراتور»). فىلىپ Ⅱ نىڭ ئوغلى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن دەپمۇ ئاتالغان. ئانىسى ئولىمپىيە (Olympias) ئېپرۇس پادىشاھلىقىنىڭ مەلىكىسى. ماكىدونىيىنىڭ پايتەختى پېلا (Pella) دا تۇغۇلغان. كىچىك ۋاقتىدا، ئوردىدا پەيلاسوپ ئارىستوتېلنى ئۇستاز تۇتۇپ، ياخشى تەربىيە ئالغان؛ يۇنان ئەدەبىياتىغا قىزىققان، ئۆزىنى دائىم رىۋايەتتىكى قەھرىمان ئاكىللېسقا سېلىشتۇرغان. 16 يېشىدا دادىسىغا ئەگىشىپ يىراققا يۈرۈش قىلغان، 18 يېشىدا خېرونىيە ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىشقا قاتناشقان. فىلىپ قەتل قىلىنغان (مىلادىدىن 336-يىل ئىلگىرى) دىن كېيىن تەختكە چىقىپ، يۇناننىڭ ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرىدىكى ماكىدونىيىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇپ، تېبېس شەھىرىنى تۈپتۈز قىلىۋەتكەن. يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولۇپ، شەرققە كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلغان. مىلادىدىن 334 يىل ئىلگىرى، لەشكەر (تەخمىنەن 35 مىڭ ئادەم) تارتىپ، ھېللېپونتتىن ئۆتۈپ، كىچىك ئاسىياغا باستۇرۇپ كىرىپ، گرانىكۇ(Granicus) دەرياسىنىڭ يېنىدا پېرسىيە لەشكەرلىرىنى تۇنجى قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، ئارقىدىنلا كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنى ئىگىلىگەن. غەلىبىسېرى جەنۇبقا ئىلگىرىلەپ، پېرسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى پۇقرالارنى «ئازاد قىلىمىز» دەپ جار سالغان. مىلادىدىن 333 يىل ئىلگىرى سىلېزىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ئىسسوس (Issos) شەھىرىدە پېرسىيە پادىشاھى دارىئۇس Ⅲ نى مەغلۇپ قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرىنى ئەسىر ئالغان. سۈرىيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، تىر (Tyre) شەھىرى (فىنىكىيە) نى يەتتە ئاي مۇھاسىرە قىلىپ، شەھەرنى ئېلىپ، ۋەيران قىلغان؛ 30 مىڭ ئاھالىنى قۇل قىلغان. پېرسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بىلەن ئېگېي دېڭىزىدىكى فلوتنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، مىلادىدىن 332 يىل ئىلگىرى توپتوغرا مىسىرغا بېسىپ كىرىپ، ئۆزىنى قۇياش خۇداسى «ئاموننىڭ ئوغلى» دەپ ئاتاپ، مىسىرنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىسىنى ھۈرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەرلىك ئاقسۆڭەك ۋە راھىبلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. نىل دەرياسى دېلتىسىنىڭ غەربىدىكى ئالېكساندرىيە شەھىرىنى ئۆزى بىۋاسىتە تەكشۈرۈپ ۋە لايىھىلەپ قۇرۇپ چىققان. قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، شەرققە كېلىپ ئىككى دەريا ۋادىسى رايونىغا باستۇرۇپ كىرگەن. مىلادىدىن 331 يىل ئىلگىرى يازدا گاۋگا مېلادا پېرسىيە قوشۇنى بىلەن ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلىپ، غەلىبە قىلغان؛ دارىئۇس Ⅲ شەرققە قېچىپ كېتىپ، ۋەزىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن ئەھمەنىلەر خاندانلىقى ھالاك بولغان (330 يىل ئىلگىرى)، بابىلون، سۇسا، پېرىسېپولىس ۋە پېرسىيىنىڭ ئېكباتانادىكى ھەرقايسى خان سارايلىرىدىن 150 مىڭ تالانتون قىممىتىدىكى غايەت زور ئالتۇن-كۈمۈش ۋە بايلىقنى بۇلاپ كەتكەن. داۋاملىق ھالدا ئوتتۇرا ئاسىياغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. مىلادىدىن 329 يىل ئىلگىرى سوگرىئانالىق سپتامېن قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان چاغدا، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىككى يىل توختاپ قوزغىلاڭنى باستۇرغان. مىلادىدىن 327 يىل ئىلگىرى (ياكى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 326) يىلى ئافغانىستاندىن جەنۇبقا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، گىفاسىس دەرياسى (پەنجاپتا) غىچە يېتىپ بېرىپ، گانگ دەرياسىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكچى بولغان. ھاۋا كىلىماتىغا ماسلىشالماسلىق، لەشكەرلەرنىڭ ئۇرۇشتىن بىزار بولۇپ، يۇرتىنى سېغىنىش، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ئىلگىرىلەشكە ئىمكانىيەت بولماي قالغان. مىلادىدىن 325 يىل ئىلگىرى ئۆزى قۇرۇقلۇق لەشكەرلىرىنى، نېئاكۇس(Nearchus) فلوتنى باشلاپ، سۇ ۋە قۇرۇقلۇق يولى بىلەن چېكىنىپ، ئىككىنچى يىلى بابىلونغا قايتىپ كەلگەن، شەرقتە ھىندى دەرياسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن غەربتە بالقان يېرىم ئارىلىغىچە، جەنۇبتا نىل دەرياسىنىڭ بىرىنچى شارقىراتمىسىدىن شەرقتە دۇناي دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغىچە بولغان كەڭ زېمىندا «ئالېكساندرىيە ئىمپېرىيىسى» نى قۇرۇپ چىققان. پېرسىيىنىڭ ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن مۇستەبىتلىك تۈزۈلمىسىنى قوللىنىپ، ئۆزىنى ئىلاھلاشتۇرغان ۋە پۇقرالارنى ئۆزىگە چوقۇنۇشقا بۇيرۇغان؛ يەرلىك يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنى ئەمەلدارلىققا تەيىنلەپ، سەركەردە ۋە لەشكەرلىرىنى شەرق ئاياللىرى بىلەن نىكاھلىنىشقا رىغبەتلەندۈرگەن (ئۇنىڭ ئۆزىمۇ باكتېرىيىلىك ئاقسۆڭەك روكسانا Roxana بىلەن توي قىلغان). شەرققە يۈرۈش قىلىش جەريانى يۇنان بىلەن شەرقنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن، لېكىن جايلاردىكى خەلقلەرگە بۇزغۇنچىلىق ۋە بالايىئاپەتلەرنىمۇ ئېلىپ كەلگەن، ئىمپېرىيە مۇستەھكەم بولمىغان ھەربىي ۋە مەمۇرىيەتنىڭ بىرلەشمە گەۋدىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي ئاساس كەمچىل بولغان. مىلادىدىن 323 يىل ئىلگىرى ئالېكساندر بابىلوندا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان، ئىمپېرىيىمۇ تېزلىك بىلەن يىمىرىلگەن؛ ئىمپېرىيە زېمىنىدا ئۇزاق مۇددەتلىك قالايمىقان ئۇرۇشلار ئارقىلىق «يۇناشلاشتۇرۇلغان» دۆلەتلەر مەيدانغا كەلگەن. ئالېكساندر تارىختىكى مەشھۇر ھەربىي ئالىمنىڭ بىرى، ئۇ شەرققە يۈرۈش قىلىش داۋامىدا مىسىردىكى ئالېكساندرىيە شەھىرىدىن باشقا، غەربىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى جايلاردا يەنە ئون نەچچە شەھەر قۇرۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە «ئالېكساندرىيە» دەپ نام بەرگەن.

ئىمپېراتور سنمېئون

  • ئىمپېراتور سنمېئون[يەشمىسى:]Cnmeon، تەخمىنەن 864 — 927) تۇنجى بۇلغارىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش كىنەزى (898 — 927)، چار پادىشاھ (919—927).بورىس Ⅰ نىڭ ئۈچىنچى ئوغلى. 925-يىلى ئۆزىنى «بۇلغارىيىلىكلەر بىلەن يۇنانلىقلارنىڭ پادىشاھى» دەپ ئاتىغان. تەختتىكى مەزگىلىدە، بۇلغارىيىدىكى ئەركىن دېھقانلارنىڭ كۆپىنچىسى يانچىلارغا ئايلاندۇرۇلۇپ، فېئوداللىق تۈزۈم ئاساسەن شەكىللەنگەن. سىرتقا قارىتا، ۋىزانتىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، سېربىيىنىڭ كۆپ قىسمى، ئالبانىيە، ماكىدونىيە ۋە فراكىيىنىڭ بىر قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالغان، ھەتتا بىر مەھەل ۋىزانتىيىنى ئۆزىگە ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان؛ لېكىن دۇناي دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ زېمىن ۋېنگىرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە ئابىدىلەرنى سلاۋىيان يېزىقىدا يېزىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئۇرۇش ئاپىتىنىڭ يىلمۇيىل داۋاملىشىشى ئارقىسىدا، سىنىپىي زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، دېھقانلار ھەرىكىتى كۆتۈرۈلگەن.

ئىمپېراتور كارولۇس

  • ئىمپېراتور كارولۇس[يەشمىسى:]لاتىنچە، Carolus Magnus، فرانسۇزچە Charlemagne، تەخمىنەن 742 — 814) فرانك پادىشاھلىقى كارولىن سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (768—800)، كارولىن ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (800 — 814). پېپىن (پەتەك) نىڭ ئوغلى. مىلادى 768-يىلى، دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن كارولۇس ئۇكىسى كارلومان (Carloman، 751 — 771) بىلەن بىللە ھاكىمىيەت سورىغان. ئۇكىسى ئۆلگەندىن كېيىن، فرانك پادىشاھلىقىنىڭ بىردىنبىر كورۇلى بولۇپ قالغان. ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى فرانك پادىشاھلىقى كېڭىيىپ چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. 773 — 774-يىللىرى لومباردىيە پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرۇپ، ئىتالىيىنىڭ شىمالى ۋە ئوتتۇرا قىسمىنى ئىگىلىۋالغان. 788 — 801-يىللىرى پېرېنېي تاغ تىزمىلىرىدىن ئۆتۈپ، ئەرەبلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئېبرو (Ebro) دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى يەرلەرنى تارتىۋالغان. 772 — 804-يىللىرى ساكسىنلارنى بويسۇندۇرغان. 791 — 799-يىللىرى ئابارسلارنى يېڭىپ، گېرمانىيىنىڭ غەربى بىلەن جەنۇبىي قىسمىنى شۇنىڭدەك ئاۋسترىيە قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالغان. تېررىتورىيىسى غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغا، شەرقتە بولسا ئېلبا دەرياسى ۋە بوھېمىيىگىچە، شىمالدا شىمالىي دېڭىز، جەنۇبتا ئېبرو دەرياسى ۋە ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغىچە سوزۇلغان. 800-يىلىدىكى روژدېستۋو بايرىمى كۈنى پاپا لېئو Ⅲ كارولۇسقا تاج كىيدۈرگەندىن كېيىن ئىمپېراتور دەپ ئاتالغان. «رىملىقلارنىڭ پادىشاھى» دەپ نام ئالغان، شۇنداق قىلىپ فرانك پادىشاھلىقى بارا-بارا كارولىن ئىمپېرىيىسىگە ئايلانغان. ئىمپېرىيىنىڭ چېگرا رايونلىرىدا «مارك» (چېگرا رايون) تەسىس قىلىپ، ئىدارە قىلىشقا مارك گراف تەيىنلەنگەن، باشقا رايونلارنى گراف تەيىنلەپ ئىدارە قىلغان. ھەر يىلى ئۇرۇش قىلىپ تۇرغانلىقتىن ئەركىن دېھقانلار كەينى-كەينىدىن ۋەيران بولۇپ، يانچىلارغا ئايلىنىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فېئوداللىق يەر ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ، دىنىي، دەھرىي چوڭ فېئوداللار «پەۋقۇلئاددە ئىمتىياز» دىن بەھرىمەن بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا مەدەنىيەتنى رىغبەتلەندۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن، ئاتالمىش كارولىن خاندانلىقى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى بارلىققا كەلگەن. لېكىن ئىمپېرىيە پەقەت ھەربىي مەمۇرىيەت جەھەتتىنلا بىرلەشكەنلىكتىن، رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقە كەمچىل بولغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يىمىرىلىشكە قاراپ يۈزلەنگەن.

ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنى

  • ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:] گېرمانىيە فرانكفورت مىللىي پارلامېنتى تۈزگەن، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن گېرمانىيە ئاساسىي قانۇنى. 1849يىل 3ئاينىڭ 28-كۈنى ماقۇللانغان. ئۇنىڭدا، بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنى بەرپا قىلىپ، ۋارىسلىق قىلىنىدىغان پادىشاھ باشچىلىقىدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت قۇرۇش؛ ئىمپېرىيە پارلامېنتى ئىتتىپاق پالاتاسى ۋە خەلق پالاتاسىدىن تەركىب تېپىپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش؛ قانۇن، پۇل تۈزۈمى، تاموژنا بېجى، ئۆلچەم بىرلىكلىرى ۋە سودىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ گېرمانىيىنىڭ ھەرقايسى شتاتلىرى ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بولۇش، ئەمما ئەسلىدىكى مۇستەقىل ئاپپاراتلىرى ۋە كەڭ دائىرىدىكى ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ دەرىجە ئىمتىيازى ۋە يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، سۆزلەش، نەشرىيات، ئېتىقاد، يىغىلىش ۋە جەمئىيەت قۇرۇش ئەركىنلىكىگە، كىشىلىك ھوقۇقى ۋە مال-مۈلۈكنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقى قاتارلىق دېموكراتىك ھوقۇق-مەنپەئەتكە كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقى جاكارلانغان. ئاساسىي قانۇندا پادىشاھلىق تۈزۈم ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، ئېغىر مۇرەسسە ۋە كونسېرۋاتىپ خاراكتېرىگە ئىگە بولغان، ئەمما ئۇ گېرمانىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مىللەتنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەلۇم تۈرتكىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە ۋە باشقا ھەرقايسى شتات خانلىرىنىڭ قارشى چىقىشى تۈپەيلىدىن كۈچكە ئىگە بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن 1849-يىلى 5-ئايدىكى گېرمانىيىدىكى ھەرقايسى شتات خەلقىنىڭ ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى قوغداش كۈرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

ئىمپېرىيە باكالاۋرلار ئاكادېمىيىسى

  • ئىمپېرىيە باكالاۋرلار ئاكادېمىيىسى[يەشمىسى:] «ياپونىيە باكالاۋرلار ئاكادېمىيىسى» گە قارالسۇن.

ئىمپېرىيە نائىب ھۆكۈمىتى

  • ئىمپېرىيە نائىب ھۆكۈمىتى[يەشمىسى:] يەنى «قالدۇق پارلامېنت». 

ئىمپېرىيىنىڭ ئەينەك چېقىلغان كېچىسى

  • ئىمپېرىيىنىڭ ئەينەك چېقىلغان كېچىسى[يەشمىسى:] 1938-يىل 10-ئاينىڭ 9-، 10-كۈنلىرى كېچىسى ناتسىستلار گېرمانىيىسى ھۆكۈمىتى يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلغان ۋەقە. 1938يىل 11ئاينىڭ 7-كۈنى پولشالىق بىر يەھۇدىي پارىژدا گېرمانىيە ئەلچىخانىسىنىڭ بىر خادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ناتسىستلار دائىرىلىرى بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ، مەملىكەت ئىچىدە تەشكىللىك ھالدا يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلغان، رەھىمسىز تۈردە ئۆچ ئالغان. 11-ئاينىڭ 9-، 10-كۈنلىرى كېچىسى، ناتسىست مۇرىتلىرى يەھۇدىيلارنىڭ چېركاۋىنى كۆيدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆي-ئىمارەت، ماگىزىنلىرىنى ۋەيران قىلغان، يەھۇدىيلارنى ئاياغ-ئاستى قىلىپ، قىرغىن قىلغان. بۇ ۋەقە جەريانىدا، يەھۇدىيلارنىڭ ئۆي-ئىمارەت، ماگىزىنلىرىنىڭ ئەينەكلىرى كۈكۈم-تالقان قىلىۋېتىلگەنلىكتىن، ناتسىستلارنىڭ تەشۋىقاتىدا «ئىمپېرىيىنىڭ ئەينەك چېقىلغان كېچىسى» دەپ ئاتالغان. زىيانكەشلىك ۋەقەسى بىرقانچە كۈنگىچە داۋام قىلىپ، يەھۇدىيلار زور تۈركۈملەپ جازا لاگېرىغا قامالغان.

ئىممانۇئېلⅡ

  • ئىممانۇئېلⅡ[يەشمىسى:]Vittorio Emmanuele Ⅱ، 1820 — 1878) ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ كورۇلى (1849 — 1861)، ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ كورۇلى (1861 — 1878). 1848 — 1849-يىللاردىكى ئىتالىيىنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى بىرىنچى قېتىملىق مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ساردىنىيە قوشۇنى نوۋارا (Novara) دىكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، دادىسى ئالبېرتنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، «پيېمونت ئاساسىي قانۇنى» نى داۋاملىق ئىجرا قىلغان. كېيىن كاۋورنى باش ۋەزىر قىلىپ، بۇرژۇئا ھۈرىيەتچىلىرىنىڭ ئىتالىيىنى يۇقىرىدىن باشلاپ تۆۋەنگىچە بىرلىككە كەلتۈرۈش فاڭجېنىنى قوللانغان. سىرتقا قارىتا فرانسىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن، ئىچكى جەھەتتە بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدىكى دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچىلەرگە قارشى تۇرغان. 1855-يىلى ساردىنىيە پادىشاھلىقى قوشۇنىنى ئەۋەتىپ قىرىم ئۇرۇشىغا قاتناشتۇرغان. 1859-يىلى فرانسىيە بىلەن بىرلىشىپ ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، لومباردىنى ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋالغان. 1860-يىلى باما، مودېنا ۋە توسكانانى قوشۇۋالغان ھەمدە سىتسىلىيە ئارىلىدىكى خەلق قوزغىلىڭى ۋە گارىبالدىنىڭ قىزىل كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىشىدىن پايدىلىنىپ، ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىنى ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋالغان. 1861-يىلى 3-ئايدا ئىتالىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. 1866-يىلى پرۇسسىيىنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ۋېنېتسىيىنى قايتۇرۇۋالغان. 1870-يىلى ئىتالىيە ئارمىيىسى رىمنى ئازاد قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشى ئورۇندالغان. 1871-يىلى رىمنى پادىشاھلىقنىڭ پايتەختى دەپ جاكارلىغان. كېيىن سىرتقا قارىتا تەدرىجىي ھالدا پىرۇسسىيە ۋە ئاۋسترىيە بىلەن يېقىنلىشىش فاڭجېنىنى ئىجرا قىلغان، ئىچكى جەھەتتە پومېشچىكلار ۋە بۇرژۇئازىيىگە تايىنىپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان.

ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتى

  • ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتى[يەشمىسى:] ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلت «يېڭى سىياسەت» نى يولغا قويغان مەزگىلدىكى لاتىن ئامېرىكىسىغا قارىتىلغان دىپلوماتىيە سىياسىتى. روزۋېلت 1933-يىلى 3-ئايدا سۆزلىگەن زۇڭتۇڭلۇققا ئولتۇرۇش نۇتقىدا «دۇنيا سىياسىي ساھەسىدە مەن دۆلىتىمنى ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتىگە ئەمەل قىلدۇرىمەن» دەپ جاكارلىغان. ئۇنىڭ ئەسلى مەنىسى پۈتۈن يەر شارىغا قارىتىلغان بولسىمۇ، لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرى ئۇنى پەقەت غەربىي يېرىم شارغىلا قارىتىپ ئېيتىلغان، دەپ چۈشەنگەن. روزۋېلت بۇنداق چۈشىنىشكە سۈكۈت قىلغان، شۇڭا «ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتى» ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى سىياسىتىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ قالغان. ئۇ بىرقاتار شەرتنامىلەر ۋە يىغىن قارارلىرىدىن تەركىب تاپقان. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھۇلل 1933يىلى 12-ئايدا مونېتدىدېئودا ئۆتكۈزۈلگەن فان ئامېرىكا يىغىنىدا بىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەت ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى بولمايدۇ، دەپ ئېيتقان. «ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتى» شوئارى ئاستىدا، ئامېرىكا نىكاراگوئا ۋە كارىب رايونىدىن ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن، «پلاتت تۈزىتىلگەن لايىھىسى» نى ئەمەلدىن قالدۇرغان، پاناماغا ئارىلىشىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن، ۋەھاكازالار. ئەمما لاتىن ئامېرىكىسى رايونىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن سىڭىپ كىرىش ۋە تاجاۋۇز قىلىشنى كۈچەيتكەن ھەمدە پايدىلىق پۇرسەتلەرنى تاللاپ، لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىگە قوراللىق مۇداخىلە قىلغان.

ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى

  • ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى[يەشمىسى:] پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش شېئىرى. 1871يىلى 6-ئايدا ئىشچى شائىر، پارىژ كوممۇنىسىنىڭ جەڭچىسى پوتىئېر (Eugene Pottier) مۇنمارتىر رايونىدىكى بىر ئاددىي بالىخانىدا بۇ شېئىرنىڭ تېكىستىنى ئىجاد قىلغان. 1888-يىلى فرانسىيىلىك ئىشچى كومپوزىتور دېگېيتېر (Degeyter) شېئىرنى نوتىغا سالغان ھەمدە شۇ يىلى 6-ئايدا تۇنجى قېتىم ئورۇندىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەمگەكچى خەلقلەر بۇ شېئىرنى كۈنسايىن ياخشى كۆرگەن، ھەر خىل يېزىقلارغا تەرجىمە قىلىنىپ پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقالغان. لېنىن ئۇنى «پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرىنىڭ شېئىرى» دەپ ئاتىغان.

ئىنتېرناتسىئونالىزم

  • ئىنتېرناتسىئونالىزم[يەشمىسى:] پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل پرولېتارلىرى ئورتاق ئىنقىلابىي مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە ئورتاق دۈشمىنىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ماركسىزملىق نۇقتىئىنەزەر؛ خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بىر ئاساسىي پرىنسىپى. ماركس، ئېنگېلس ۋە لېنىن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان «پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى بىرلىشىڭلار»، «پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى ۋە ئېزىلگۈچى مىللەتلەر بىرلىشىڭلار» دېگەن ئىككى ئۇلۇغ شوئار، پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزمىنىڭ ئاساسىي روھىنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. «پرولېتارىياتنىڭ ئىنتېرناتسىئونالىزمى، بىرىنچىدىن، بىر مەملىكەتتىكى پرولېتارىيات كۈرىشىنىڭ مەنپەئىتىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى پرولېتارىيات كۈرىشىنىڭ مەنپەئىتىگە بويسۇندۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئىككىنچىدىن، بۇرژۇئازىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىۋاتقان مىللەتلەردىن خەلقئارا كاپىتالنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش يولىدا ئەڭ زور مىللىي قۇربانلارنى بېرىشكە قادىر بولۇش ۋە ئۇنىڭغا بەل باغلاشنى تەلەپ قىلىدۇ» («لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى» 4-توم، خەلق نەشرىياتى، 1972-يىل خەنزۇچە نەشرى، 274-بەت).ئۇ ھەرقايسى ئەل پرولېتارلىرى بىلەن ئەمگەكچى خەلقلىرىدىن زۇلۇم ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىگە قارشى تۇرۇپ، مىللىي ئازادلىق ۋە سوتسىيالىزمنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرەشلىرىدە بىرلىشىشنى، ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەربىر پرولېتارىيات پارتىيىسىدىن ماركسىزم-لېنىنىزم ۋە پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزمى پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ھەمدە پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزمى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش روھى ئارقىلىق خەلقنى تەربىيىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئىندرا

  • ئىندرا[يەشمىسى:]Indra) سانسكرىتچە نامى ساكرا دېۋانام-ئىندرا (Sakradevanam - Indra). بۇددا تەلىماتىنى ھىمايە قىلغۇچى ئىلاھنىڭ بىرى. ئۇ تىراياستىرىمىسا (يەنى 33 كۈن) نىڭ خۇداسى بولۇپ، سۇمى تېغىنىڭ چوققىسىدىكى ساخاۋەت شەھىرىدە تۇرارمىش. ئۇ بۇددا دىنىغا براخمان دىنى ۋە ھىندى دىنىدىكى ئىلاھ ئىندرادىن قوبۇل قىلىنغان. «ئىندرا»غا قارالسۇن.

ئىندرا

  • ئىندرا[يەشمىسى:]Indra) قەدىمكى ھىندىستاننىڭ چاقماق تەڭرىسى، ئۇرۇش تەڭرىسى، جەڭچىلەرنىڭ ھامىيلىق تەڭرىسى. بۇ نام يىراق قەدىمكى زاماندىكى ھىندىستان-ئىران دەۋرىدىلا مەيدانغا كەلگەن. ئارىيانلارنىڭ دەسلەپكى ۋېدا دەۋرىدە، تەڭرىلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغان. «رىگۋېدا»دىكى 1000 كۇپلېتتىن ئارتۇق مەدھىيە شېئىرلىرىدا ئىندرا مەدھىيىلەنگەن شېئىر تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. ئىندرا جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدەپ، قولىدا ۋاجىرا (Vajra) نى ئوينىتىپ، ئاسماندا ئۇچقاندەك چېپىپ يۈرگەن، قۇرغاقچىلىق ئالۋاستىسى ۋرترا (Vrtra) ئۇنىڭ ئاساسلىق دۈشمىنى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. دائىم دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان ئۇلۇغ جەڭچى سۈپىتىدە مەدھىيىلىنىپ، ئارىيانلارنى قوغداپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى بېقىندۇرۇپ، ئارىيانلار ياخشى كۆرىدىغان مىللەت تەڭرىسىگە ئايلاندۇرۇلغان. ئاسماندىكى تەڭرىلەرنىڭ شامى دەپمۇ قارىلىدۇ. بۇددا دىنى ئۇنى بۇددا ھامىيسى دەپمۇ قارايدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ساكيامۇنى تۇغۇلغاندا ئۇ براخمان (Brahma) بىلەن بىللە ئوڭ ۋە سول تەرەپتە تۇرۇپ كۈتكەنمىش.

ئىندىراگەندى

  • ئىندىراگەندى[يەشمىسى:] يەنى «گەندى (2)».

ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى نەزەرىيىسى

  • ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى نەزەرىيىسى[يەشمىسى:] ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى توغرىسىدىكى نەزەرىيە، تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەندىكى ئاساسىي نەزەرىيە مەسىلىلىرىنىڭ بىرى. ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى نەزەرىيىسى ئۈستىدىكى ماتېرىيالىزملىق، ئىلمىيلىك بىلەن ئىدېئالىزملىق ۋە دىنىي ئىلاھىيەتلىك كۆز قاراشلار ئەزەلدىن قارىمۇقارشى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇيان، قەدىمىي بىئولوگىيە، قەدىمىي گېئولوگىيە، ئانتىروپولوگىيە، ئارخېئولوگىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ماركسىزملىق ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسى ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى توغرىسىدىكى ئىلمىي نەزەرىيىگە ئاساس سالدى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى توغرىسىدا«ئادەمنى خۇدا ياراتقان» دەيدىغان ئىدېئالىزملىق نەزەرىيە ئۈزۈل-كېسىل ئىنكار قىلىندى، ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى توغرىسىدىكى ئىلمىي نەزەرىيە مۇنداق ھېسابلايدۇ: (1) ئادەمنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئورنى، ئادەم ھايۋانات دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى، ھايۋانات دۇنياسى — جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچتىكى مەھسۇلى. دەسلەپكى ھايۋانات بارا-بارا تەرەققىي قىلىشى بىلەن سانسىز سىنىپ، ئەترەت، ئائىلە، ئۇرۇقداش ۋە تۈردىكى ھايۋاناتلار بارلىققا كەلگەن. ھازىرقى زامان ئادىمى ھايۋانات دۇنياسىدا سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىغا مەنسۇپ بولۇپ، پرىماتلار ئەترىتى، ئادەم ئائىلىسى، ئادەم ئۇرۇقدىشى، ئەقىللىق ئادەم تۈرى، ھازىرقى زامان ئادىمى (ياكى يېڭى ئەقىللىق ئادەم) نىڭ سۇب تۈرى ھېسابلىنىدۇ. (2) ئادەملەرنىڭ ئەجدادى توغرىسىدا. ئولىگوتېسىن دەۋرىدە (تەخمىنەن 30 مىليون يىل ئىلگىرى) ئىسسىق بەلباغدىكى يامغۇر كۆپ ياغىدىغان ئورمانلىقلاردا ياشىغان بىرخىل قەدىمكى مايمۇنلار (دەسلەپكى مايمۇن، مىسىر قەدىمكى مايمۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھازىرقى زامان ئادەمسىمان مايمۇنلىرىنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئەجدادى ئىدى. ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، ھازىر دۇنيادىكى ھەرقايسى ئادەم ئىرقىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر خىل ئادەمسىمان مايمۇنىدىن كېلىپ چىققان (بىر ئەجدادلىق نەزەرىيە). دېمەك، ھەر خىل ئىرقتىكىلەر كۆپ خىل ئادەمسىمان مايمۇنلىرىدىن كېلىپ چىققان دەيدىغان كۆز قاراش (كۆپ ئەجدادلىق نەزەرىيە) ئاساسسىز. (3) قەدىمكى مايمۇنلار ۋە قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرىدىن، مايمۇندىن ئادەمگە ئايلىنىش جەريانىنىڭ ئاساسىي ھالقىلىرى ئاساسەن مۇنداق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ: مىسىر قەدىمكى مايمۇنلىرىدىن ئولىگوتېسىن دەۋرى، تەخمىنەن 30 مىليون يىل ئىلگىرى، مايمۇنلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى، قەدىمكى ئورمان مايمۇنىغا (مىيوتىسېن دەۋرى، تەخمىنەن 20 مىليون يىل ئىلگىرى، يەنىلا مايمۇنلار قاتارىغا كىرەتتى)، ئاندىن يەنە قەدىمكى راما مايمۇنلىرىغا (مىيوتىسېن دەۋرىنىڭ ئاخىرىدىن پىيوتىسېن دەۋرىگىچە، تەخمىنەن 14 — 3 مىليون يىل ئىلگىرى، ئادەم ئائىلىسىگە كىرگەن، مايمۇندىن ئادەمگە ئايلىنىش ئۆتكۈنچى باسقۇچىدىكى «شەكىللىنىۋاتقان ئادەم»؛ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىلمىي تەتقىقاتتا بەزىلەر قەدىمكى راما مايمۇنلىرى ئىنسانلارغا يېقىن كېلىدىغان ۋە ئافرىقا چوڭ مايمۇنلىرى بىلەن بىر ئەجدادتىن بولغان بىرخىل قەدىمكى مايمۇنلار تىپىغا كىرىدۇ، ئىنسانلار ئەجدادى بولماسلىقى مۇمكىن دەپ قارىماقتا) ئايلىنىپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ئادەمسىمان مايمۇنلىرىغا (دەسلەپكى، ئوتتۇرا پلېستوتسېن دەۋرىدىن ئاخىرقى پلېستوتسېن دەۋرىگىچە تەخمىنەن 3 مىليون 500 مىڭ يىل ياكى 3 مىليون يىل ئىلگىرىدىن باشلاپ ئادەم ئۇرۇقدىشى بولۇپ، «پۈتۈنلەي شەكىللەنگەن ئادەم» گە) ئايلانغان، ئادەمسىمان مايمۇنلىرى يەنە دەسلەپكى ئەقىللىق ئادەملەر (يەنى قەدىمكى ئادەم ئوتتۇرا پلېستوتسېن دەۋرىدىن ئاخىرقى پلېتوتسېن دەۋرىگىچە تەخمىنەن 200 مىڭ يىلدىن بۇرۇن باشلاپ) تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ كېيىنكى ئەقىللىق ئادەملەرگە ئايلانغان (يەنى ھازىرقى زامان ئادەم ياكى ھەقىقىي ئادەم، يېڭى ئادەم، ھولوتسېن دەۋرى، تەخمىنەن 50 مىڭ يىلدىن ئىلگىرى تا ھازىرغىچە). (4) ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنىڭ ۋاقتى ۋە ئورنى توغرىسىدا. ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش ۋاقتى تەخمىنەن مىيوتسېن دەۋرىدىن پيوتسېن دەۋرىگىچە يەنى تەخمىنەن 14 مىليون يىلدىن ئىلگىرى، ئورنى ئاساسەن ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئەتراپى. (5) مايمۇندىن ئادەمگە ئايلىنىش سەۋەبى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ توغرىسىدا. ئېنگېلس «ئەمگەكنىڭ مايمۇندىن ئادەمگە ئايلىنىش جەريانىدىكى رولى» دېگەن ئەسىرىدە ئادەمنى ئەمگەك ياراتقان دېگەن ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، پەقەت ئەمگەكلا مايمۇنلارنىڭ ئۆرە مېڭىشى، قولىنىڭ ئازاد بولۇشى، تىلىنىڭ پەيدا بولۇشى، مېڭىسىنىڭ ۋە تەپەككۇر ئېڭىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغان، شۇ ئارقىلىق مايمۇنلارنىڭ تەن ساپاسىنى ئادەمنىڭ تەن ساپاسىغا ئايلاندۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مايمۇنلارنىڭ تەبىئىي ھايۋانات توپىنى ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتىغا ئايلاندۇرغان. ھەقىقىي ئەمگەك قورال ياساشتىن باشلانغان، بەلكى قورال ياساش دەل ئىنسانلارنىڭ باشقا ھايۋاناتتىن پەرقلىنىدىغان ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى شۇنداقلا ئادەم بىلەن مايمۇننى ئايرىشتىكى مۇھىم ئالامەت. 

ئىنكا ئىمپېرىيىسى

  • ئىنكا ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:]جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ئۇنىڭ پادىشاھى «ئىنكا» (Inca)، پۇقرالىرى «ئىنكالار» دەپ ئاتالغان. Ⅺ ئەسىردىن كېيىن، ئايمارا (Aymara) ۋە كېچۇئا (Quechua) قەبىلىلىرى پېرۇنىڭ كوسكو (Cuzco) جىلغىسىدىكى قوشنا رايونلارنى ئارقا-ئارقىدىن قوشۇۋېلىپ، ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە كۈچلۈك قۇلدارلىق دۆلىتىنى قۇرغان. ⅩⅥ ئەسىرگە كەلگەندە راسا قۇدرەت تېپىپ، زېمىنى شىمالدا كولومبىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، جەنۇبتا چىلىنىڭ مائۇلې (Maule) دەرياسى، شەرقتە ئامازون دەرياسىنىڭ ئورمان بەلبېغى، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يەنى بۈگۈنكى بولىۋىيە، ئېكۋادور، پېرۇلارنىڭ ھەممىسىنى، ئارگېنتىنا، كولومبىيە، چىلىلارنىڭ بىر قىسىم زېمىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاھالىسى ئالتە مىليونغا يەتكەن. پايتەخت كوسكو ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس بولۇپ قالىدىغان ھاكىممۇتلەق پادىشاھ ئىنكانىڭ تۇرالغۇسى بولغان. ئىنكا جەمئىيىتىدە قاتتىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈمى بار بولۇپ، ئاقسۆڭەكلەر، ئاددىي پۇقرالار، قۇل-دېدەكلەر دەپ ئۈچ سىنىپقا ئاجرىتىلغان. جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي بىرلىكى بىر ئەجدادتىن بولغان بىر بۆلۈك ئائىلىلەردىن ئۇيۇشقان يېزا جامائەسى بولغان. يېزا ئىگىلىكى راۋاجلانغان بولۇپ، دېھقانچىلىقتا سۇغىرىش ئىنشائاتلىرى سىستېمىسىدىن ۋە ئوغۇتتىن پايدىلىنىلغان، كۆممىقوناق، ياڭيۇ قاتارلىقلار، كېۋەز قاتارلىقلار تېرىلغان. لاما (جەنۇبىي ئامېرىكا تۆگىسى) ۋە ۋىگون (ۋىكۇنىيە) قاتارلىق ھايۋانلارنى باققان. ئىنكالار ئالتۇن، كۈمۈش، مىس ۋە ساپال جابدۇقلار ياساشقا ماھىر ۋە ياخشى يول-قاتناش تورىغا ئىگە ئىدى. قۇياش، ئاي قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىگە تېۋىنغان. شوينىدىن تۈگۈن تۈگۈپ ئىش خاتىرىلەش ئۇسۇلىنى قوللانغان. بۇ ئىمپېرىيە 1533-يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 

ئىننوسېنⅢ

  • ئىننوسېنⅢ[يەشمىسى:]Innocentius Ⅲ، 6121 - 0611) رىم پاپاسى (6121 - 8911). ئىتالىيىلىك. ئەسلى ئىسمى لوتارىئو (Lotario). پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىنولوگىيە پەنلىرى ئۆگەنگەن، كېيىن بولۇنىيىگە بېرىپ قانۇن ئوقۇغان. 1185-يىلى رىمغا قايتىپ كەلگەن. كېيىن قىزىل تونلۇق ئېپىسكوپ بولغان. پاپا كائېلېستىن دەۋرىدە ھوقۇقىدىن ئايرىلغان. ئۇ تەختكە ئولتۇرغان مەزگىلىدە پاپانىڭ تەسىر كۈچى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. 1197-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ھېنرىخ Ⅵ ئۆلگەندىن كېيىن، خوخېنشىتا يىغىن جەمەتى بىلەن ۋېلف جەمەتى پادىشاھلىق تەخت تالاشقان، ئىننوسېن بۇ ئىشقا ئارىلاشقانلارنىڭ بىرى بولۇپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ گېرمانىيە فېئوداللىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئىتالىيىدىن قوغلاپ چىقارغان. 1198يىلى گۆدەك فرىدرىخ Ⅱ سىتسىلىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. ئىننوسېن ئۇنىڭ ھامىيسى بولغان. ئەمەلىيەتتە سىتسىلىيە پادىشاھلىقى (1200-يىلغىچە) نى كونترول قىلغان. ئەنگلىيە كېنتېر بىرى رايونىنىڭ ئارخېئېپىسكوپىنى تاللاش ئىشىدا ئەنگلىيە كورۇلى يوئان (زېمىنسىز پادىشاھ) بىلەن توقۇنۇشقان، ئاخىرىدا يوئاننى تىز پۈكتۈرۈپ ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاراگون، پورتۇگالىيە، بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىرىنى بويسۇندۇرغان. 1202-يىلى ئەھلىسەلىپنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىنى قوزغىغان. 1209-يىلى ئالبىچىلارغا قارشى ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشىنى قوزغىغان. بىدئەتلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن، قەلەندەر راھىبلار تەشكىلاتى ۋە مەھكىمە شەرئى قۇرۇشقا مەدەت بەرگەن. يەنە تۈرلۈك نام بىلەن باج-سېلىق يىغىپ، گۇناھتىن ساقىت بولۇش تۇمارىنى كۆپلەپ سېتىپ، بايلىق توپلىۋالغان. ئۇنىڭ قىلمىشى غەربىي ياۋروپا خەلقىنىڭ كەڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

ئىنوكايى تاكېشى

  • ئىنوكايى تاكېشى[يەشمىسى:]- 5581 2391) ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى (- 1391 2391). لەقىمى موتاڭ. بىتچۇ (ھازىرقى ئوكاياما ناھىيىسى) دىكى نىۋاشى دېگەن يەردە تۇغۇلغان. كېيئو ھەقسىز مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1880-يىلى «شەرقىي دېڭىز ئىقتىسادىي يېڭى گېزىتى» نى نەشىر قىلىپ، سودىنى قوغداش سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلغان. 1882-يىلى ئاساسىي قانۇنلۇق ياخشىلاش پارتىيىسىگە قاتنىشىپ ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىگە كىرىشكەن. 1890-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا 19 قېتىم ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1898-يىلى ئوكۇماشىگېنو بۇ كابىنېتىدا قاتناش ۋەزىرى بولغان. 1910-يىلى ئاساسىي قانۇنلۇق خەلق پارتىيىسىنى قۇرۇپ، دائىمىي ھەيئەتلىككە سايلانغان. 1912-يىلى ئاساسىي قانۇننى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ «ئىمتىيازلىق ھۆكۈمرانلارنى ئاغدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش» نى تەرغىپ قىلغان. 1922-يىلى ئاساسىي قانۇنلۇق خەلق پارتىيىسىنى تارقىتىۋېتىپ، ئىسلاھاتچىلار كۇلۇبىنى تەشكىللىگەن، 1924-يىلى يەنە بىر قېتىم ئاساسىي قانۇننى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتى قوزغاپ كاتو تاكائاكى كابىنېتىدا پوچتا ۋەزىرى بولغان. 1929-يىلى سىياسىي دوستلار ئۇيۇشمىسىغا لېدىر بولۇپ تەيىنلىنىپ، 1931-يىل ئاخىرىدا كابىنېت تەشكىللىگەن. كېيىنكى يىلقى «15-ماي» ۋەقەسى مەزگىلىدە ئارمىيىدىكى ئوڭ قانات ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 

ئىنۇگامنۇمىتاسۇكى

  • ئىنۇگامنۇمىتاسۇكى[يەشمىسى:]ئىنۇگامنۇ سەنتيەنسى دەپمۇ ئېلىنىدۇ. ياپونىيىنىڭ سۈي سۇلالىسىگە ۋە تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتكەن ئەلچىسى. مىلادى 614-يىلى (سۇ ئىكوتېننونىڭ 22-يىلى. سۈي سۇلالىسى دايە يىللىرىنىڭ 10-يىلى) سۈي سۇلالىسىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن. كېيىنكى يىلى ئەلچى بەيجىگە ھەمراھ بولۇپ دۆلىتىگە قايتقان. 630-يىلى تىننو (شۇمىڭنىڭ 2-يىلى. تاڭ سۇلالىسى جىنگۈەن يىللىرىنىڭ 4-يىلى) تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلىدىغان ئەلچىلىككە تەيىنلىنىپ جۇڭگوغا يەنە كەلگەن. 632-يىلى تىننو شۇمىڭنىڭ 4-يىلى، تاڭ سۇلالىسى جېنگۇەن يىللىرىنىڭ 6-يىلى) تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىللە ياپونىيىگە بارغان. 

ئىنوۋى كائورۇ

  • ئىنوۋى كائورۇ[يەشمىسى:]- 5381 5191) ياپونىيىنىڭ مېيجى، تائىستو دەۋرلىرىدىكى مۇھىم دۆلەت ئەربابى. ناگاسۇ ۋاسساللىقىدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك سامۇرايدىن كېلىپ چىققان. مىلىتارىستلىقنى ئاغدۇرۇپ يېڭىلىق كىرگۈزۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. مېيجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا مەسلىھەتچى خەلق ئىشلىرى ۋەزىرى، خەزىنە ۋازارىتىنىڭ باش ياردەمچىسى بولغان. 1873-يىلى ئېتوشىمىپىي بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، ئەمىلىدىن ئىستېپا بېرىپ مىتسۇ بىلەن بىرگە مۇناسىۋەتلىك سودىگەرلەر بىلەن شەنشۇ شىركىتىنى (مىتسۇ ماددىي ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ ئاساسى) قۇرۇپ، تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللانغان. 1875-يىلى سىياسىي ساھەگە قايتىپ، پەۋقۇلئاددە مۇئاۋىن تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچىلىككە تەيىنلىنىپ، تولۇق ھوقۇقلۇق ئىش بېجىرىش ۋەزىرى كۇرودا كىيوتاكا بىلەن بىرگە چاۋشيەنگە بارغان. كېيىنكى يىلى چاۋشيەننى «كاڭخا شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلىغان. 1878-يىلى ئالىي پالاتا ئەزاسى، قوشۇمچە سانائەت ئەمەلدارى بولۇپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ سانائەتنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان. كېيىنكى يىلى تاشقى ئىشلار ئەمەلدارلىقىغا يۆتكىلىپ، شەرتنامىلەرنى ئۆزگەرتىش سۆھبىتىگە مەسئۇل بولغان. شۇ مەزگىلدە «ياۋروپالاشتۇرۇش» سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن مەملىكەت ئىچىدىكىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. 1885-يىلى ئىتو كابىنېتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى. 1888-يىلى كۇرودا كابىنېتىنىڭ دېھقانچىلىق ۋە سودا ئىشلىرى ۋەزىرى. 1892-يىلى ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئىتو كابىنېتىنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى. 1898-يىلى 3-نۆۋەتلىك ئىتو كابىنېتىنىڭ خەزىنە-مالىيە ۋەزىرى بولغان. 1901-يىلى گېنرو بولغان. 1907-يىلى ماركىز ئۇنۋانى بېرىلگەن. 

ئىھارا سايكاكۇ

  • ئىھارا سايكاكۇ[يەشمىسى:]3961 - 2461) ياپونىيىنىڭ ئېدو دەۋرىدىكى ئاددىي خەلق يازغۇچىسى. ئۇساكادا باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى ھىراياماتوگو. ياش ۋاقتىدا شېئىر يېزىشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، پەيجۇ (ياپونىيىنىڭ بىرخىل قىسقا مىسرالىق شېئىر تۈرى بولۇپ، 17 خەت بىر كۇپلېت قىلىنىدۇ — ت) يېزىشقا ماھىر. 1682-يىلى «شەھۋەتپەرەس بىر ئەۋلاد ئەرلەر»، 1686-يىلى «شەھۋەتپەرەس بىر ئەۋلاد ئاياللار» قاتارلىقلارنى نەشىر قىلىپ تارقىتىپ، ئوكىيو ساۋزى ھېكايە ئۇسلۇبىنى يارىتىپ، سودىگەرلەرنىڭ ھاۋايى ھەۋەسكە بېرىلگەن ئۆز مەيلىچە تۇرمۇشىنى ۋە جەمئىيەتتىكى ئوتتۇرا، تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ ئادىتىنى تەسۋىرلىگەن. 1688-يىلى «ياپونىيىلىك يوڭدەيساڭ» نى نەشىر قىلىپ، پۈتۈن نىيىتى بىلەن بېيىشقا ئۇرۇنىدىغان بىر كىشى ھەققىدىكى ھېكايىنى بايان قىلغان. 1692-يىلى «جاھاننى كۆڭۈلدە ھېسابلاش قوللانمىسى» نى نەشىر قىلىپ، ھارپا كېچىسىنى مەركىزىي نۇقتا قىلغان ھالدا، سودىگەرلەرنىڭ پۇل مەستانىلىق تراگېكومېدىيىسىنى مەركەزلىك تەسۋىرلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا سامۇرايلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەيدىغان ھېكايە ۋە قىسقا يۇمۇرلار توپلاملىرىمۇ بار. ئومۇمىي مايىللىقتا سامۇرايلارنىڭ ئەخلاقىي كۆز قارىشىنى تەنقىد قىلىپ، سودىگەرلەرنىڭ ماددىي بايلىققا تايىنىپ ھۇزۇر-ھالاۋەت قوغلىشىشقا ئۇرۇنىدىغان، ئەڭ ئاخىرى يەنىلا فېئودال چۈشەكلەردىن قۇتۇلالمايدىغان تەقدىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 

ئىئو

  • ئىئو[يەشمىسى:]Io) قەدىمكى يۇنان رىۋايەتلىرىدىكى مەبۇدە ھېرانىڭ ئايال كاھىنى. جەنۇبىي يۇناندىكى ئارگوسنىڭ رىۋايەتتىكى پادىشاھى (دەريا خۇداسى) ئىناكۇس (Inachuc) نىڭ قىزى بولۇپ، بەكمۇ گۈزەل ئىكەن. ئۇنىڭغا زېۋىس كۆيۈپ قالغانىكەن. زېۋىس ھېرانىڭ كۈنلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئىئونى ئاق غونىجىنغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. ھېرا بۇ ئىشنى بىلىپ قېلىپ، 100 كۆزلۈك گىگانت ئارگۇس (Argus Panoptes) نى پايلاقچىلىق قىلىشقا بۇيرۇپتۇ. زېۋىس ھېرامىسنى ئەۋەتىپ، ئارگۇسنى ئۆلتۈرگۈزۈۋېتىپتۇ. ھېرا يەنە بىر ئەقىل تېپىپ، چوڭ كۆكۈيۈننى قويۇپ بېرىپ، ئىئونى ئازابلاپتۇ. ئىئو قېچىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ ھەممە جايغا بېرىپ، ئاخىرى مىسىردا ماكانلىشىپ قالغان ھەم ئادەم قىياپىتىگە قايتىپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىئو مىسىرلىقلار چوقۇنىدىغان ئىسىس (Isis) قا ئايلىنىپ قالغانىكەن. 

ئىئورگا

  • ئىئورگا[يەشمىسى:]Nicolae Iorga، 0491 - 1781) رۇمىنىيە باش ۋەزىرى (2391 - 1391)، تارىخشۇناس. ياسىك، پارىژ، بېرلىن، لېيپسىگلەردە ئوقۇغان. 1890-يىلى پۈتكۈل رۇمىنىيىلىكلەر مەدەنىيەت بىرلىك ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ چىقىشقا قاتناشقان ھەمدە ئۇزاق ۋاقىت بۇ تەشكىلاتلارنىڭ رەھبىرى بولغان. 1894-يىلى بۇخارېست ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، كېيىن رۇمىنىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1906-يىلى مىللىي دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 0291 - 8191-يىللىرى مىللىي مەجلىسنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇنىڭ «رۇمىنىيە تارىخى»، «تۈركىيە تارىخى»، «بالقان دۆلەتلىرى تارىخى»، «دۆلەتنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدىكى رۇمىنىيە خەلق تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى سۆككەنلىكتىن، فاشىستلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 

ئىئوسىيە

  • ئىئوسىيە[يەشمىسى:]Josiah، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 906 - 846) يەھۇدىي پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 906 - 046). ئۇ تەختتە بولغان مەزگىلىدە جامائەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن، قەرز قوللۇق مۇددىتىنى ئالتە يىل بىلەن چەكلەپ، يەتتىنچى يىلى ئازاد قىلىشنى بەلگىلىگەن؛ يەھۋانى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر خۇدا دەپ چوقۇنۇشنى يولغا قويغان، ئېرۇسالىمنى دىنىي نەزىر-چىراق قىلىش مەركىزى قىلىپ بېكىتكەن. «ئىنجىل-تەۋرات» تىكى «دېئۇتېرونومۇ» (Deuteronomu) ۋە كېيىنكى ئېرۇسالىم ئىبادەتخانىسىدىن تېپىلغان «قانۇننامە» لەردە ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى قەيت قىلىنغان. ئاخىرقى يىللىرى مىسىر فىرئەۋىنى نېكو Ⅱ ئەسكەر باشلاپ يەھۇدىي پادىشاھلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن. ئىئوسىيە مەغلۇپ بولۇپ ئۇرۇشتا قازا تاپقان. 

ئىئوففې

  • ئىئوففې[يەشمىسى:]Абрам Фёдорович Иоффе، 0691 - 0881) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق فىزىك. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پېتېربۇرگ سانائەت ئىنستىتۇتىنى ۋە ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسال تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1926-يىلىدىن تارتىپ سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ كەلگەن. 1942-يىلى سابىق سوۋېت كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) گە قاتناشقان. يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تەتقىقاتىغا ھەسسە قوشقان. دېئېلېكترىك فىزىكىسى، خرۇستال جىسىم دىنامىكىسى ۋە ئېلېكتر-شۇناسلىقنىڭ خاراكتېرىنى تەتقىق قىلىش جەھەتلەردىمۇ مۇئەييەن نەتىجە قازانغان. 

ئىئومىنى

  • ئىئومىنى[يەشمىسى:]Antoine Henri Jomini، 9681 - 9771) بۇرژۇئا ھەربىي نەزەرىيىچىسى. شۋېتسارىيىدە تۇغۇلغان. 1798-يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى شتابىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1802-يىلى «ئامېن شەرتنامىسى» ئىمزالانغاندىن كېيىن قوشۇندىن چېكىنىپ چىقىپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1804-يىلى يەنە بىر قېتىم ھەربىي خىزمەت ئۆتەپ، ئىلگىرى-ئاخىر ئۇلىم، يېنا، ئىلائو قاتارلىق جايلاردىكى جەڭلەرگە قاتناشقان، مارشال نېي (Ney) نىڭ شتاب باشلىقى بولغان. توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقتىن، شۇ يىلى 8-ئايدا فرانسىيىدىن يۈز ئۆرۈپ روسىيە قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان. گېنېرال لېيتناتلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن ھەمدە ئالېكساندر Ⅰ نىڭ ئادىيوتانتى بولغان. 1817-يىلى فرانسىيىگە قايتقان. 1826-يىلى يەنە روسىيىگە كېلىپ نېكولاي Ⅰ نىڭ ئادىيوتانتى بولغان. گېنېرال پولكوۋنىكلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن، 1828-يىلىدىكى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1830-يىلى روسىيە ھەربىي ئىشلار ئاكادېمىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1854-يىلىدىكى قىرىم ئۇرۇشىدا نىكولاي Ⅰ نىڭ ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى بولغان. 1859-يىلى ناپولېئون Ⅲ نىڭ ئىتالىيىدىكى ئۇرۇشىدا ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى بولغان. ئۇ ھەربىي ئىشلار نەزەرىيىسى جەھەتتە تۇنجى قېتىم ستراتېگىيە، تاكتىكا ۋە ئارقا سەپنى ئېنىق ئاجرىتىپ بەرگەن؛ سۈرئەت بىلەن زاپاسنىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئۇنىڭ «ئىنقىلاب دەۋرىدىكى ئۇرۇشتىكى ھەربىي ئىشلار ۋە تەنقىدىي تارىخى»، «ناپولېئوننىڭ سىياسىي، ھەربىي ئىشلار ھاياتى»، «ھەربىي ئىشلار سەنئىتىدىن ئومۇمىي بايان» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

ئىئونىئانلار

  • ئىئونىئانلار[يەشمىسى:]Iones ياكى Ionians) قەدىمكى يۇنان ئاھالىلىرىنىڭ بىر خىلى. ھىندى-ياۋروپا تىلى سىستېمىسىنىڭ گرېك تىلى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرى يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىن كۆچۈپ كەلگەن. ئاساسەن ئاتتىكا ئارىلىغا، ئېگېي دېڭىزىدىكى نۇرغۇن ئاراللارغا، شۇنىڭدەك كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىرغىقى (ئىئونىيە دەپ ئاتىلىدۇ) ئەتراپىغا جايلاشقان. قۇرغان مۇھىم شەھەرلىرى ئافىنا، مىلېتو، ئېپېسوس، كولوپوم كىئوس (ئارال)، ساموس (ئارال) قاتارلىقلار. مۇستەملىكىلەرنى كېڭەيتىش جەريانىدا، يەنە قارا دېڭىز قىرغىقىدىكى جايلاردا نۇرغۇنلىغان مۇستەملىكە شەھەرلىرىنى قۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئىئونىيىدىكى شەھەرلەر پېرسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. مىلادىدىن 500 يىل ئىگىرى، مىلېتودا پېرسىيىگە قارشى قوزغىلاڭ بولغان، بۇ يېرىم ئەسىر داۋام قىلغان يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشىغا سەۋەب بولغان. ئەڭ ئاخىرىدا، كىچىك ئاسىيادىكى ئىئونىئانلار پېرسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، يېڭىباشتىن مۇستەقىل بولغان. مىلادىدىن 387 يىل ئىلگىرى «بۈيۈك شاھ سۈلھ شەرتنامىسى» تۈزۈلگەندىن كېيىن، كىچىك ئاسىيادىكى ئىئونىئانلار يەنە پېرسىيىگە بېقىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئىئونىئانلار ماكېدونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىردە رىملىقلارغا بويسۇنغان. ئىئونىئانلار (بولۇپمۇ ئافىنالىقلار) قەدىمكى يۇنان مەدەنىيىتى خەزىنىسىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان. 

ئىئونىيە

  • ئىئونىيە[يەشمىسى:]Ionia) ئىئونىس (Ionis) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بىر رايون، تەخمىنەن مىلادىدىن 1000 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئەتراپىدا گرېكلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان ئىئونىيىلىكلەر بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئەمەلىيەتتە گرېكلاردىن باشقىلار، مەسىلەن: كالىيالىقلار، لىلىگلار، كرىتلار ۋە باشقىلار ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان. ئۇنىڭ دائىرىسى ئومۇمەن جەنۇبتا مېندېر (Macander) دەرياسى ئېغىزىدىن شىمالدا خېرمۇس (Hermus) دەرياسى ئېغىزىغىچە؛ شىمالدا ئېئولىسقىچە (Aeolis). بۇ يەرنىڭ يېرى مۇنبەت، ماددىي بايلىقى مول، يەنە كېلىپ ئېگېي دېڭىزىدا قاتناش ئەپلىك بولغاچقا، ئۇ ناھايىتى تېزلا تەرەققىي قىلىپ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى يۇناننىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. ئەنئەنىۋى خاتىرىلەرگە قارىغاندا 12 مەشھۇر شەھەر بولغان، بۇلار (جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئاتىغاندا): مىلېتو، مىئۇس (Myus)، پرىسنې (Priene)، ساموس (Samos ئارال)، ئېپېسۇ، كولوپون (Colophon)، لېبېدۇس (Lebedus)، تېئوس (Teos)، ئېرىتېراي (Erythrae)، كىئاس (Khias ئارال)، كدازومېنا (Cdazomenae) ۋە پوكائېيا (Phocaea). شەھەرلەر ئارا ئىتتىپاق قۇرۇلغان، لېكىن ئۇ مۇستەھكەم بولمىغان. مىلېتو قاتارلىق شەھەرلەر كەينى-كەينىدىن سىرتقا قارىتا مۇستەملىكە قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅶ ئەسىردە لودىيا پادىشاھلىقى كىچىك ئاسىيادا گۈللەنگەن، كروئېس ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىردە) ئىئونىيە بويسۇندۇرۇلغان. كېيىن پېرسىيە پادىشاھى كۇرۇسنىڭ گېنېرالى ھارپاگۇ (Harpagus) ئىئونىيىنى بويسۇندۇرغان، ھەرقايسى شەھەرلەر پېرسىيە باش ۋالىيسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، ئەسكەرلىك ۋە ئولپاننى ئۈستىگە ئالغان. مىلادىدىن 500 يىل ئىلگىرى مىلېتر شەھىرىدە پېرسىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، باستۇرۇلغان؛ بۇ ۋەقە يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشىغا سەۋەب بولغان. يۇنانلىقلار پېرسىيىنى يەڭگەن (مىلادىدىن 479 يىل ئىلگىرى)، ئىئونىيە يېڭىباشتىن مۇستەقىل بولغان. يۇناننىڭ خارابلىشىشىغا ئەگىشىپ، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىردە ماكىدونىيە ۋە ئالېكساندرنىڭ ئىز باسارلىرىغا تەسلىم بولۇپ بېقىنغان؛ مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىردە رىمنىڭ «ئاسىيا ئۆلكىسى» گە قوشۇلغان. مىلېتو بىلەن ئېپېسوس — يۇنان ماتېرىيالىستىك پەلسەپىسى (تەبىئەت پەلسەپىسى ئېقىمى) نىڭ مەنبەسى، تېلېس بىلەن ھېراكلىت ئۇنىڭ ۋەكىلى. كلازومېنائېدىكى ئاناكساگورا (پەيلاسوپ)، تېئوستىكى ئاناكرېئون (شائىر) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۇناندىكى داڭلىق كىشىلەر. بىناكارلىق تېخنىكىسى جەھەتتىمۇ خېلى تۆھپە قوشقان. 

ئىۋاكورا تومومى

  • ئىۋاكورا تومومى[يەشمىسى:]3881 - 5281) ياپونىيىنىڭ مېيجى دەۋرىدىكى مۇھىم ۋەزىرى. كيۇتودىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تاكائائى تېننونىڭ ياساۋۇلى بولغان. ياش ۋاقتىدا ئوردىنىڭ نوپۇزىغا تايىنىپ توكۇگاۋا شوگونلۇقىنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. تېننونىڭ سىڭلىسى كازۇنومىيانى سىياگۇن توكۇگاۋا ئىموچىغا ياتلىق قىلىشقا قاتتىق كۈچ چىقارغان. كېيىن شوگناتنى ئاغدۇرۇپ يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلىپ، مونارخىيىلىك ھاكىمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىياسىي ئۆزگىرىشىنى پىلانلاشقا قاتناشقان. مېيجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا كېڭەش يىغىنىغا قاتناشقۇچى، كېلىشىم ھاسىل قىلغۇچى، مۇئاۋىن لېدىر، ئوڭ قول ۋەزىر (3881 - 7181) قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. سانجو سانېتومى قاتارلىقلار بىلەن يېڭىلىققا كۆچۈش ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى بولغان. 1871-يىلى ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغان. 1873-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىچكى جەھەتتىن ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشنى، ئەسكەر چىقىرىپ چاۋشيەنگە يۈرۈش قىلىشقا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. تېننو تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئىكامىكى (5981 - 4481) نى «چوڭ پروگرامما» تۈزۈپ چىقىشقا تەيىنلەپ، پادىشاھ ھۇزۇرىدا تۈزۈلىدىغان ئاساسىي قانۇننىڭ تۈرلۈك پرىنسىپلىرىنى بەلگىلىگەن ھەمدە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن دۆلەتلىك 15 بانكا تەسىس قىلغان، ياپونىيە تۆمۈريول شىركىتى قاتارلىقلارنى قۇرغان. 

ئىۋان Ⅰ (خالتا)

  • ئىۋان Ⅰ (خالتا)[يەشمىسى:]Иван Ⅰ Данилович, Калита، ؟ 0431-) موسكۋا كىنەزى (0431 - 5231) ۋلادىمىر باش كىنەزى (0431-8231). خەلقنى بۇلاپ-تالاپ بېيىغانلىقتىن، خالتا (Калита، ھەمياننىڭ قەدىمكى ئاتىلىشى) دەپ لەقەم ئالغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن، پۇل ۋە مال-مۈلۈكتىن پايدىلىنىپ، چېركاۋ جەمئىيەت ۋە مېتروپولىيە ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، موسكۋا كىنەزلىكىنى باشقا خان-بەگلەردىن ئۈستۈن قويغان. پارا بېرىپ سېتىۋېلىش ياكى قوراللىق بېسىۋېلىش قاتارلىق ھەرخىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ زېمىنىنى كېڭەيتكەن، 1327-يىلى تۋېردا موڭغۇللارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەندە ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا خەۋەر يەتكۈزگەن ھەمدە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، موڭغۇللار قوشۇنىنى باشلاپ بېرىپ قوزغىلاڭنى باستۇرغان. 1328-يىلى كۈچلۈك رەقىبى تۋېر كىنەزلىكىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ ۋلادىمىرنىڭ باش كىنەزى قىلىپ تەيىنلەنگەن ھەمدە موڭغۇللارغا ۋەكالىتەن پۈتۈن روسىيىدىن باج-سېلىق يىغىدىغان بولغان، بۇ ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرىدىن نەپ ئالغان ھەمدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ روسىيە ئارخېئېپىسكوپىنى ۋلادىمىردىن موسكۋاغا يۆتكەپ كېلىپ، سىياسىي تۈۋرۈك قىلىپ، موسكۋا كېنەزلىكىنىڭ دىن ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. ئىۋان Ⅰ نىڭ ھۆكۈمرانلىقى موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ گۈللىنىشىنى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاساس سالغان. ئۇ ئۆلگەندە موسكۋا كىنەزلىكى روسىيىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كىنەزلىككە ئايلانغان.

ئىۋانⅢ

  • ئىۋانⅢ[يەشمىسى:]Иван Ⅲ Васильевич، 5051 - 0441) ئىمپېراتور ئىۋان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. موسكۋا باش كىنەزى (- 2641 5051). ۋاسلىي Ⅱ نىڭ ئوغلى ھەم ۋارىسى. تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن ياروسلاۋ (1463)، روستوۋ (1474)، نوۋگورۇد (1478) تۋېر (1485) قاتارلىق كىنەزلىكلەرنى قوشۇۋېلىپ، رەزاننى تەسلىم قىلىپ، ئۆزىگە بېقىندۇرۇۋالغان (1485). پىسكوۋ كىنەزلىكىدىن باشقا، شەرقىي شىمال روسىيە ئومۇمەن ئۇنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن روسىيە دۆلىتى ئاساسەن شەكىللەنگەن. زېمىنى غەربىي شىمالدا نوۋگورودقا، شەرقىي شىمالدا ۋياتكا (Вятка) دەرياسى ۋادىسىغا تۇتاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە غەيرىي رۇسلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى ئۈزلۈكسىز بويسۇندۇرغان. 1472-يىلى چوڭ پېرىم رايونىنى قوشۇۋالغان. 1480-يىلى، قوشۇن باشلاپ چىقىپ، باستۇرۇپ كىرگەن موڭغۇل قوشۇنىغا قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئوكا دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان ئوگرا دەرياسىنىڭ بويىدا يەتتە ئاي تىركەشكەن. موڭغۇللار ياردەمچى قوشۇننىڭ يېتىپ كېلەلمىگەنلىكى، ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشى ۋە ئاشلىق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. مۇشۇ مەزگىلگە كەلگەندىلا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ روسىيىدە ئىككى ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلگەن. 1500-يىلى ئورال تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقتىكى يۇگورىسكىي رايونىنى بويسۇندۇرغان. كېيىن يەنە لىۋونىيە، لىتۋا قوشۇنلىرىنى يېڭىپ، غەربىي جەنۇب ۋە بالتىق دېڭىزى تەرەپكە قاراپ كېڭەيگەن. ئىچكى جەھەتتە، فېئودال-بەگلىكلەرنىڭ ئىمتىيازىغا چەك قويۇپ، ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتكۈل دۆلەت ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئالغان؛ ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئاقسۆڭەكلەردىن تەركىب تاپقان كۈچلۈك قوشۇن قۇرۇپ چىققان؛ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن قانۇن (1497) ۋە يېڭى مەركىزىي ھەم يەرلىك مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، مۇستەبىت تۈزۈمگە ئاساس سالغان؛ شەھەر ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىجارە ھەققى ۋە باجغا پۇل تۆلەشنى كېڭەيتكەن؛ غەربىي ياۋروپا ۋە شەرقتىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەن. 

ئىۋان Ⅳ (چاقماق ئىمپېراتور)

  • ئىۋان Ⅳ (چاقماق ئىمپېراتور)[يەشمىسى:]Иван Ⅳ Васильевич, Тразный، - 0351 4851) موسكۋا ۋە پۈتۈن روسىيە ب-اش كىنەزى (4851 - 3351). روسىيە چارپادىشاھى ( 4851 - 7451). دادىسى ۋاسىلىي Ⅲ ئۆلگەندىن كېيىن تەختكە چىققان، مۇشۇ ۋاقىتتا ئۈچ ياشقا كىرگەن بولۇپ، چوڭ ئاقسۆڭەكلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھاكىمىيەت تالىشىپ، موسكۋا چوڭ كىنەزلىكىنى «خوجىلار ھۆكۈمرانلىقى» دەۋرىگە كىرگۈزۈپ قويغان، 1547-يىل 1-ئاينىڭ 16-كۈنى تاج كىيىپ، ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ، ئۆزىنى چار پادىشاھ دەپ ئاتاپ، دۇنياغا زومىگەرلىك قىلىدىغان «ئۈچىنچى رىم ئىمپېرىيىسى» نى قۇرۇپ چىقىمەن دەپ جار سېلىپ، پۈتۈن روسىيىنىڭ مۇستەبىتىگە ئايلىنىپ قالغان. موسكۋا خەلق قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن، 6551 - 0551-يىللاردا كىنەزلىكلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا-كىچىك ئاقسۆڭەكلەرگە تايىنىپ، ئەدلىيە، مەمۇرىي ۋە ھەربىي جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھوقۇقىغا چەك قويۇپ، ھوقۇقنىڭ مەركەزلىشىشىنى كۈچەيتىپ، پومېشچىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ دېھقانلارنى قۇل قىلىشىنى قوللىغان. 1565-يىلى چار پادىشاھقا قاراشلىق ئالاھىدە رايونلارنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە خەلقنى دەھشەتلىك باستۇرغانلىقتىن «چاقماق ئىمپېراتور» دەپ نام ئالغان. شەرققە قاراپ كېڭىيىپ تاتارلارنىڭ قازان (Казан، 1552) ۋە ئاستىراخان (Астрахань، 1556) خانلىقلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ۋولگا دەرياسى ۋادىسىنى ئىگىلىگەن. ئارقىدىنلا غەربكە قاراپ كېڭىيىپ، شۋېتسىيە، دانىيە، پولشا ۋە لىتۋا بىلەن بالتىق دېڭىزىنىڭ دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىنى تالىشىپ، لىۋونىيە ئۇرۇشىنى قوزغاپ (3851-8551) يېڭىلگەن. 1563-يىلى ئۆزىنى «پۈتۈن سىبىرىيە پادىشاھى» دەپ ئاتىغان، چوڭ پومېشچىك، تۇز سودىگىرى سى-تروگانوۋ (Стротановы) ئائىلىسىگە ھوقۇق بېرىپ، ياللانما ئەسكەر ئېلىپ، پىلە قۇرتىدەك يېيىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، بارا-بارا سىبىرىيىگە قاراپ كېڭەيگەن. 1581-يىلى كەسپىي باندىت ئېرماك تېموفېيېۋىچ (Ериак Тимофоевич، ؟ - 5851) ئۇيۇشتۇرغان كازاكلارنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنىنى قوبۇل قىلىپ، سىبىر خانلىقىنىڭ پايتەختى سىبىرنى ئىشغال قىلغان. 1584-يىلىغا كەلگەندە يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنىنىڭ ئاساسىي كۈچى سىبىر خانلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. ئىۋان Ⅳ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە روسىيە سىرتقا كېڭىيىش يولىغا ماڭغان.

ئىۋان سۇسانىن

  • ئىۋان سۇسانىن[يەشمىسى:]Иван Сусанин، ؟ 3161 -) ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى رومىنىيىنىڭ پولشا تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى مىللىي قەھرىمانى كوسترۇما ئوكروگى (Костромской Уезд) دومنىنو يېزىسىلىق دېھقان. روسىيە بۆلۈنۈپ كېتىش ۋە ھالاك بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، رەيزاندا بىرىنچى خەلق ئارمىيىسىنى تەشكىللەپ، پولشا بېسىۋالغان روسىيىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن. كېيىن ئىچكى قىسىمدا ئىختىلاپ كېلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن يېڭىلىپ قالغان. 1612-يىلى ئەتىيازدا، تۆۋەن نوۋگورودتا يەنە، ئاساسەن سودا-سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار ۋە شەھەر كەمبەغەللىرى، دېھقانلار قاتناشقان ئىككىنچى خەلق ئارمىيىسىنى تەشكىللەپ، تاجاۋۇزچىلارغا زەربە بېرىپ، پولشا ۋە شۋېتسىيە بېسىۋالغان موسكۋا، نوۋگورود قاتارلىق كەڭ دۆلەت زېمىنىنى ئازاد قىلغان. كېيىن چېكىنىپ چىققان پولشا ئارمىيىسىگە يول باشلاشقا مەجبۇر بولۇپ، ھاياتىنىڭ خەۋپىگە قارىماي، دۈشمەننى تۇيۇق يولغا باشلاپ، قويۇق ئورمانلىق ئىچىگە ئېلىپ كەلگەن، نەتىجىدە پولشا تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ كوستروماغا چېكىنىش پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغان. ئورمانلىقتا پولشا ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. 

ئىۋانكوۋىچ جېڭى

  • ئىۋانكوۋىچ جېڭى[يەشمىسى:]3181 - 4081-يىللىرىدىكى بىرىنچى قېتىملىق سېربىيە قوزغىلىڭىدا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بىلەن تۈركىيە قوشۇنى ئوتتۇرىسىدا بولغان جەڭ. 1805-يىلى 8-ئايدا پورىئافوۋاتىس ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى سىتويكوۋىچ ۋە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ داھىيسى ۋە قارا گېئورگې قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ ھاپىز پاشا قوماندانلىقىدىكى تۈركىيە قوشۇنى بىلەن سېربىيىنىڭ شەرقىدىكى چۇپرىيا شەھىرىنىڭ يېنىدىكى ئىۋانكوۋىچ دېگەن يېزىدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان، جەڭ بىر كۈن داۋاملىشىپ، تۈركىيە قوشۇنى يېڭىلىپ، باراچىندىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان. 

ئىۋانوس

  • ئىۋانوس[يەشمىسى:]Gonstantin Ivǎnus، 8291 - 6881) رۇمىنىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1912-يىلى رۇمىنىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىشچى-دېھقانلار ئارىسىدا ئىنقىلابنى تەشۋىق قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، كوممۇنىستىك گۇرۇپپىلارنى بىرلەشتۈرۈپ، رۇمىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قاتنىشىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1921-يىلى 5-ئايدا رۇمىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىرىنچى قۇرۇلتىيىنىڭ ھارپىسىدا قولغا ئېلىنغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، رۇمىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋاقىتلىق رەھبەرلىك خىزمىتىگە قاتناشقان. 1922-يىلى رۇمىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىككىنچى قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى بولغان. 8291 - 5291-يىللىرى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىپ، قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقتىن سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كەتكەن، كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ داۋالانغان، گېرمانىيىدە ۋاپات بولغان. 

ئىۋايلو قوزغىلىڭى

  • ئىۋايلو قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]0821 - 7721-يىللىرىدىكى بۇلغارىيە دېھقانلار قوزغىلىڭى. چارۋىچى ئىۋايلو (Ивайло، ؟ 0821 -) داھىي بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتىغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيىنىڭ ئېغىرلىشىپ بېرىشى ۋە موڭغۇللارنىڭ ئۈزلۈكسىز تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى (1241-يىلى باشلانغان) ئارقىسىدا، بۇلغارىيە دېھقانلىرىنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى يامانلىشىپ بارغان. 1277-يىلى ئىۋايلو قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى باشلاپ چىقىپ، موڭغۇللار قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان، كېيىن يەنە بۇلغارىيە پادىشاھى كونستانتىن ئاسېن (Константин Асень، 7721-8521-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نى يەڭگەن. ئىككىنچى يىلى پايتەخت — ترىنوۋوغا كىرىپ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە كونستانتىننىڭ تۇل قالغان خوتۇنىنى نىكاھىغا ئېلىپ، ئۆزىگە خانىكە قىلغان. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى مىكائېل Ⅷ بۇلغارىيە ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، قوشۇن ئەۋەتىپ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىۋان ئاسېن Ⅲ نى يۆلەپ بۇلغارىيە پادىشاھلىق تەختىگە چىقارغان. 1279-يىلى ۋىزانتىيە قوشۇنلىرى ترونوۋونى ئىشغال قىلغان. ئىۋايلو موڭغۇللاردىن ياردەم سوراپ بارغاندا ئۆلتۈرۈلگەن. 

ئىۋىنې

  • ئىۋىنې[يەشمىسى:]Frencesco Jovine، 0591 - 2091) ئىتالىيىلىك يازغۇچى. ئۇزاق مۇددەت ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. گېرمانىيە فاشىستلىرىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ھەمدە 1948-يىلى ئىتالىيە كومپارتىيىسىگە كىرگەن. ئۇ ئەسەرلىرىدە كۆپرەك دېھقانلارنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشى بىلەن ئۇلارنىڭ كۈرىشىنى تەسۋىرلىگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «بوراندىكى ئۇرۇق»، «ھاۋا خانىم»، «قاباھەتلىك زېمىن» ۋە فاشىستلارنى مەسخىرە قىلىدىغان ھېكايىلەر توپلىمى — «ياقا يۇرت ئىمپېرىيىسى» قاتارلىقلار بار.

ئىدا ۋەقەسى

  • ئىدا ۋەقەسى[يەشمىسى:]ياپونىيىدە ئەركىنلىك خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن ناگانو، ئائىچىدىن ئىبارەت ئىككى ناھىيىدىكى لىبېرالىستلار پارتىيىسى ئەزالىرىنىڭ ئىشقا ئاشمىغان ئەسكەرلەر قوزغىلىڭى ۋەقەسى. 1884-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، ناگانو ناھىيىسى ئىدادىكى «ۋەتەنپەرۋەر ئادالەتچىلەر ئۇيۇشمىسى» ئەزالىرىدىن ساكۇرائى خېكىچى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئائىچى ناھىيىسىدىكى لىبېرالىستلار پارتىيىسى ئەزالىرىدىن مۇراماتسۇ ئائىزۇ، ياگىي شىگېيوشى قاتارلىق كىشىلەر بىرلىشىپ، ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي تۈزۈلمىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەسكەرلەر قوزغىلىڭى قىلىش پىلانىنى تۈزۈشكەن. ئۇلار ئاۋۋال قوزغىلاڭ خىتابنامىسىنى يېزىپ چىقىش، ناننوبۇ كۈنىدىكى دېھقانلارنى قوزغىلاڭغا تەشكىللەش ھەمدە ناگۇيادا تۇرۇشلۇق مۇداپىئە ئەسكەرلىرى ئىچىدە خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشنى بەلگىلىگەن. 10-ئاينىڭ ئاخىرى چىچىبۇ ۋەقەسى يۈز بېرىپ، مۇراماتسۇ قاتارلىق كىشىلەر دەرھال ئەسكەرلەر قوزغىلىڭى قىلىش قارارىغا كەلگەن. ئۇلار باج-سېلىقنى كېمەيتىش، نامراتلارنى قۇتقۇزۇش، ئەسكەرلىككە ئېلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، ماركا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق شوئارلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ناگويادىكى مۇداپىئە پوتەيلىرى بىلەن تۈرمىلەرنى چېقىپ تاشلاپ، ئەسكەرلەر بىلەن مەھبۇسلارنىڭ قوزغىلاڭغا قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى پىلانلىغان ھەمدە كافودىكى نامراتلار بىلەن بىرلىشىپ توكيونىڭ ئاگىنونى ئىگىلەپ «ھۈرلۈك ئىنقىلابى» نى جاكارلىماقچى بولغان. بىراق ئۇلارنىڭ پىلانى ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، 12-ئاينىڭ باشلىرىدا رەھبەرلىك ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى تۇتقۇن قىلىنغان. مۇراماتسۇ قاتارلىق ئالتە نەپەر كىشى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 

ئىئى نائوسۇك-ى

  • ئىئى نائوسۇك-ى[يەشمىسى:]0681 - 5181) ياپونىيىنىڭ توكۇگاۋا شوگناتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى تائىروسى. ھىكون (ھازىرقى شىگا ناھىيىسىدە) ۋاسساللىقنىڭ خوجىسى ئىئى نائوتادانىڭ 14-ئوغلى. 1850-يىلى ئاتىسىنىڭ مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلغان. پېرېي 1853-يىلى پاراخوت بىلەن ياپونىيىگە ھۇجۇم قىلغاندا، بۇيرۇققا بىنائەن ئائىكاۋانى قوغداشقا مەسئۇل بولغان. 1854-يىلى كىيوتونى قوغداش ۋەزىپىسىگە يۆتكەلگەن. 1858-يىلى تائىرولىققا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىگە قارىتا ئانسېي ئىستىبداتلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، چەتكە قارىتا ئانسېي شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ تىننونى قەدىرلەپ ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قاققۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1860-يىل 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېدودىن شوگونلۇققا كېتىۋاتقاندا ساكۇرادا دەرۋازىسى سىرتىدا مىتو ۋە ساتسىموما ۋاسساللىقلىرىنىڭ سامۇرايلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. «ساكۇرادامون ئۆزگىرىشى» (樱母门 Sakuradamon) گە قاراڭ . 

ئىيسا قىددىس

  • ئىيسا قىددىس[يەشمىسى:]گرېكچە Iesous Christos، لاتىنچە Jesus Christus، ئىنگلىزچە Jesus Christ دەپ يېزىلىدۇ). خرىستىئان دىنىنىڭ رىۋايەتلەردىكى ئاساسچىسى (مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ باشلىرى). ئەسلى ئىسمى ئەيسا، «قىددىس» ئېۋرىيچە «مەسېھ (قۇتقۇزغۇچى ئىگەم)» (mashiah) دېگەن سۆزنىڭ گرېكچە تەرجىمە قىلىنىشى. «ئىنجىل. گوسپېئىل» دە خاتىرىلىنىشىچە، ئەيسانىڭ ئاتىسى يۇسېف ياغاچچى ئىكەن، ئانىسى مەريەم «ئىلاھنىڭ كارامىتى» بىلەن ھامىلىدار بوپتۇ، ئەيسا پەلەستىندىكى ۋىفلىيېم شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەنمىش. ئەيسا خۇدانىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇپ، ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بۇ دۇنياغا كەلگەن مەسېھ ئىمىش. ئۇنىڭ 12 شاگىرتى («12 ھەۋارىيۇن») بولۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دىن تارقىتىپ، ھەر خىل مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەنىكەن. يەھۇدىي دائىرىلىرى (رىمنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا) ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ، رىمنىڭ باش ۋالىيسى پىلاتقا تۇتۇپ بەرگەنمىش، ئاخىرىدا كرېستقا مىخلاپ ئۆلتۈرۈلگەنمىش، ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلىپ، بۇ دۇنياغا كەلگۈسى قايتىدىن كېلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ، كېيىن ئاسمانغا چىقىپ كەتكەنمىش. خرىستىئان دىنى مىلادى Ⅰ ئەسىردىكى رىم قۇللۇق تۈزۈم جەمئىيىتىنىڭ مەھسۇلى. ئەيسا قىددىسنىڭ چىن ئىنسانلىقىنىڭ ھەقىقىيلىكى مەسىلىسىدە ئەزەلدىن بۇيان ئوخشاش بولمىغان قاراش مەۋجۇت. Ⅰ ئەسىردە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان تارىخىي ماتېرىياللار يوق دېيەرلىك. ئۇ ئادەملەشتۈرۈلگەن ئىلاھ شۇنداقلا يەھۇدىي دىنى يېڭى ئېقىمىنىڭ باشلىقلىرىغا ئوخشاش شەخسلەرنى تىپ قىلىپ ئىلاھلاشتۇرغان ئادەم بولۇشى مۇمكىن. ئەيسا قىددىسقا ئائىت بايراملار (روژدېستۋو بايرىمى، ئازاب چېكىش بايرىمى، پاسخا بايرىمى قاتارلىق) مۇ كېيىنكى دەۋرلەردە بەلگىلەنگەن. ھازىر ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان مىلادى يىلنامىسى، يەنى ئەيسا قىددىسنىڭ تۇغۇلغان يىلىنى مىلادىنىڭ بىرىنچى يىلى قىلىشنى مىلادى 525-يىلى رىم موناخى كىچىك دىئونىس (Dionysius Exiguus) بېكىتكەن؛ كېيىنكىلەرنىڭ ھېسابلاپ چىقىشىغا قارىغاندا، ئۇ بۇنىڭدىن تۆت يىل بۇرۇن (مىلادىدىن تۆت يىل ئىلگىرى تۇغۇلغان) دېگەن گەپمۇ بار. 

ئىيۇل پاجىئەسى

  • ئىيۇل پاجىئەسى[يەشمىسى:] يەنى «1947-يىل ئىيۇل پاجىئەسى». 

ئىيۇل خاتىرە تۈۋرۈكى

  • ئىيۇل خاتىرە تۈۋرۈكى[يەشمىسى:]فرانسىيىنىڭ 1830-يىلىدىكى ئىيۇل ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، پارىژ باستېلىيە مەيدانىغا ياسالغان خاتىرىلەش خاراكتېرىدىكى قۇرۇلۇش. 0481 - 3381-يىللاردا ياسالغان. ئۇ مىس يالىتىلغان يۇمىلاق تۈۋرۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 مېتر كېلىدۇ. ئۇنىڭ يۈزىگە 1830-يىل ئىيۇل ئىنقىلابىدا قۇربان بولغان 504 نەپەر جەڭچىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان؛ تۈۋرۈك تەگلىكىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە گاللىيە خورىزى ئورنىتىلغان، تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىگە مىستىن ياسالغان ئەركىنلىك ئىلاھىنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغان. تۈۋرۈكنىڭ تېگى يەر ئاستى لەھەت بولۇپ، ئىيۇل ئىنقىلابىدا قۇربان بولغانلارنىڭ جەسىتى قويۇلغان. 

ئىيۇل خاندانلىقى

  • ئىيۇل خاندانلىقى[يەشمىسى:]فرانسىيىنىڭ پادىشاھلىق-ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىدىكى خاندانلىق (8481-0381). 1830-يىلىدىكى ئىيۇل ئىنقىلابىدا بەرپا قىلىنغانلىقتىن ئىيۇل خاندانلىقى دەپ ئاتالغان. كورۇل لۇئى فىلىپ بوربۇنس (Bourbons) خان جەمەتىنىڭ شىرەم تۇغقىنى ئورلېئان جەمەتىدىن بولغاچقا يەنە ئورلېئان خاندانلىقى دەپمۇ ئاتالغان. ئىيۇل ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئاۋام پالاتاسى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى لۇئى-فىلىپنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە 14-كۈنى 1830-يىللىق ئاساسىي نىزامنى ماقۇللاپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى يولغا قويغان. ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تۇتۇپ تۇرغانلار بۇرژۇئازىيىنىڭ بىر گۇرۇھى يەنى پۇل مۇئامىلىسى ئاقسۆڭەكلىرى ئىدى. 1848-يىل فېۋرال ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇلغان. 2-ئاينىڭ 24-كۈنى لۇئى فىلىپ ئورنىنى كىچىك نەۋرىسى گراف پارىژغا بوشىتىپ بەرگەندىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، بىراق ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت 25-كۈنى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىيۇل خاندانلىقىنىڭ ئورنىنى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت ئالغان. 

ئىيۇل ۋەقەسى

  • ئىيۇل ۋەقەسى[يەشمىسى:]1917-يىلى 7-ئايدا روسىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى پېتروگراد ئىشچىلىرى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ نامايىشىنى باستۇرغان ۋەقە. روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالدىنقى سەپتە مەغلۇپ بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر پېتروگرادقا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئامما ئۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن. 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ۋىبورگ رايونىدىكى ئىشچىلار ئۆزلۈكىدىن ئېلىپ بارغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش تەرەققىي قىلىپ شەھەر بويىچە ئومۇميۈزلۈك نامايىشقا ئايلانغان ھەمدە قوراللىق قوزغىلاڭغا قاراپ يۈزلەنگەنىدى. بولشېۋىكلار پارتىيىسى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش پەيتى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى دەپ قاراپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە توسۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىغانلىقتىن نامايىشقا قاتنىشىشنى قارار قىلىپ، نامايىشنى تىنچلىق ۋە تەشكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە قىلماقچى بولغانىدى. 7-ئاينىڭ 17-كۈنى بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە 500 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچىلار، ئەسكەرلەر ۋە كرانشتاد ماتروسلىرى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، «پۈتۈن ھاكىمىيەتنى سوۋېتقا مەنسۇپ قىلىش» نى تەلەپ قىلغاندا، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قورال كۈچى بىلەن باستۇرغانلىقتىن، 400 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان. كەينىدىنلا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ھەربىي دىكتاتۇرا يۈرگۈزگەن، «ھەقىقەت» گېزىتىنى پېچەتلىگەن، قىزىل گۋاردىيىنى قورالسىزلاندۇرغان؛ لېنىننى ئىزدەپ تۇتۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەخپىي ھەرىكەت قىلىشقا كۆچكەن. ئىككى ھاكىمىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتى ئاياغلاشقان. 

ئىيۇل ئىنقىلابى

  • ئىيۇل ئىنقىلابى[يەشمىسى:]1830-يىلى فرانسىيىدە بولۇپ ئۆتكەن بوربون تىرىلدۈرۈش خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇش ئىنقىلابى. 1824-يىلى 9-ئايدا چارلېس Ⅹ تەختكە چىققاندىن كېيىن ئەكسىيەتچىل سىياسەت يۈرگۈزۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەبىقىدىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1830-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى يېڭى پەرمان ئېلان قىلىنىپ، سۆز قىلىش ئەركىنلىكىنى ئېلىپ تاشلاپ، گېزىت-ژۇرناللارنى ئالدىن تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويغان؛ ئاۋام پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىپ، سايلام سالاھىيىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگەن، بۇ پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن. 27-كۈنى پارىژدىكى ئامما قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، 29-كۈنى دېۋىللې (deville) سارىيىنى ھۇجۇم بىلەن ئالغان. لىبېرال پارلامېنت ئەزالىرى لاففىت باشچىلىقىدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى قۇرغان، لافائېت مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 8-ئاينىڭ 2-كۈنى چارلېس Ⅹ ئورنىنى نەۋرىسى گراف شامبورغا بوشىتىپ بېرىشنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغاندىن كېيىن ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. شۇنداق قىلىپ ئىيۇل خاندانلىقى بەرپا قىلىنغان. 7-كۈنى لۇئى فىلىپ رەسمىي تەختكە چىقىپ كورۇل بولغان، 14-كۈنى 1830-يىللىق ئاساسىي نىزام ماقۇللانغان. 

ئىيۇن قانلىق ھەپتىسى

  • ئىيۇن قانلىق ھەپتىسى[يەشمىسى:]ئىتالىيە خەلقىنىڭ مىلىتارىزمغا قارشى تۇرغانلىقى سەۋەبلىك ھۆكۈمەتنىڭ زورۋانلىق كۈچ ئارقىلىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقىدىن ئىبارەت قانلىق ۋەقە. 1914-يىل 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئانكۇنادا مىلىتارىزمغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلىغان. تۇرىن، رىم، مىلان، فېلورېنسىيە قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئىش تاشلىغۇچىلار ھەربىي ۋە ساقچىلارغا قارشى كوچا ئىستىھكامى ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرغان. شەرقىي شىمال قىسىمدىكى نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە بىر مەھەل جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھەرىكەت ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ۋەھشىيانە باستۇرۇلغان. ئىشچىلاردىن ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار نەچچە يۈزگە، قولغا ئېلىنغانلار نەچچە مىڭغا يېتىپ، تارىختا «ئىيۇن قانلىق ھەپتىسى» دەپ ئاتالغان. 

ئىيۇن قوزغىلىڭى

  • ئىيۇن قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]فرانسىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدىكى پارىژ پرولېتارلىرىنىڭ قوزغىلىڭى. 1848-يىلىدىكى فېۋرال ئىنقىلابى ئىيۇل خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان بۇرژۇئا جۇمھۇرىيەتچىلىرى ئىشچىلارغا قارشى سىياسەت يۈرگۈزۈپ، 6-ئاينىڭ 22-كۈنى «دۆلەت زاۋۇتى» نى تارقىتىۋېتىش بۇيرۇقىنى جاكارلىغان. ئىككىنچى كۈنى، پارىژ ئىشچىلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە «دېموكراتىك ۋە سوتسىيال جۇمھۇرىيەت» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. 50 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى ئۇدا تۆت كۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش ئېلىپ بارغان. 26-ئىيۇن قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى كاۋا ئىگناكنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇشى ئارقىسىدا مەغلۇپ بولغان. 11 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 25 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ھۆكۈم كېسىلگەن. ماركس بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنى «ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئىككى چوڭ قارىمۇ قارشى سىنىپ ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇلۇغ كۈرەش» دەپ ئاتىغانىدى. 

ئىيۇن نامايىشى

  • ئىيۇن نامايىشى[يەشمىسى:]1917-يىلى روسىيە پېتروگرادتىكى ئىنقىلابىي ئىشچىلار ۋە ئەسكەرلەرنىڭ نامايىشى. بۇ نامايىش ئىيۇندا (روسىيە كالېندارى بويىچە) يۈز بەرگەنلىكتىن، شۇنداق ئاتالغان. ئاپرېلدىكى نامايىشتىن كېيىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەشەددىيلىك بىلەن خەلققە قارشى سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكتىن، ئامما تېخىمۇ نارازى بولغان. 7-ئاينىڭ 1-كۈنى (روسىيە كالېندارى بويىچە 6-ئاينىڭ 18-كۈنى)، 500 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى ۋە ئەسكەر پېتروگرادتىكى مارس مەكتىپى مەيدانىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ روسىيە ئارمىيىسىنى ئالدىنقى سەپتە ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە مەجبۇرلىغانلىق خەۋىرى ئاممىنى غەزەپلەندۈرگەن. نامايىشچىلار بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان «يوقالسۇن ئۇرۇش»، «ئون كاپىتالىست كاتتىباشنى يوقىتايلى»، «بارلىق ھوقۇق سوۋېتلەرگە مەنسۇپ» دېگەن شوئارلارنى توۋلاشقان. شۇ كۈنى موسكۋا، مىنىسكى قاتارلىق جايلاردىمۇ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قارشى چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ قېتىمقى نامايىش ئىنقىلابىي ئىشچىلار ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش روھى ۋە بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە بولغان ئىشەنچسىنى نامايان قىلغان.

ئىيېزۇئىت دىنى

  • ئىيېزۇئىت دىنى[يەشمىسى:]خرىستىئان پروتېستانت دىنىنىڭ جۇڭگودىكى ئاتىلىشى.