د🔗

د

داباۋ قانۇن-پەرمانى

داجۈيۆ دۆلىتى

دارلان

دارماراتنا

دارۋىن

دارىك

دارىئو

دارىئۇس

داس

داستان

داسېگلىئو

داشياگۇ ئۇرۇشى

داكچىن

داكىن دانتون

داكىيە

داكىيىلىكلەر

داكىيە ئۇرۇشى

داگاما

دال

دالادېر

دالتون

دالخوسى

داللاپىككوللا

داللېس

دالېكارلىيە تاغلىق رايونى دېھقانلار قوزغىلىڭى

دالېمبېرت

دالېن

دام

داموكلېس

دانا

داندىغا يۈرۈش قىلىش

دانتون

دانتې

دانېلسون

دانېۋىركې

دانى دۆلىتى

دانىسىگ كارىدورى

دانىشمەن پادىشاھ

دانىشمەنلەر

دانىشمەنلەر يىغىنى

دانىلو

دانىلو Ⅱ نىڭ باياناتنامىسى

دانىيە بېجى

دانىيە رايونى

دانىيە ئۇرۇشى

داھومېيە پادىشاھلىقى

دائۇن

داۋ جاۋ(مىچىكادو)

داۋجىڭ (دوچىن)

داۋېس

داۋېس پىلانى

داۋىد

داۋىد لاگېرى سۆھبىتى

داۋىدوۋىچ

داۋىس

داۋىنكى

داۋ يۇەن (دوگېن)

دايۇ

دايى

دەرەخنىڭ يىل ھالقىسىغا قاراپ دەۋرلەرگە بۆلۈش

دەرىجىلىك نىكاھ تۈزۈمى

دەريانىڭ جەنۇبىدىكى جۇمھۇرىيەت

دەريانىڭ شىمالىدىكى جۇمھۇرىيەت

دەمەشق پادىشاھلىقى

دەندەن دۆلىتى

دەۋرشۇناسلىق

دجىلاس دېلوسى

دراپېر

دراكما

دراكو

دراكې

دراگونىزم

دراگوۋىچ

دراۋىدىئانلار

درايزېر

درويسېن

درۇزې قوزغىلىڭى

درۇسۇ

درىنوۋ

دزېرژىنىسك-ى

دوبروگېئانو گېرېيە

دوبروليۇبوۋ

دوپىن

دوپىنې

دوختۇرخانا رىتسارلار پولكى

دورىئانلار

دوستلۇق جەمئىيىتى

دوستلۇق ئۇيۇشمىسى

دوستويېۋىسكىي

دوڭسۇن مەدەنىيىتى

دولكىنو قوزغىلىڭى

دوللار دىپلوماتىيىسى

دوللفۇسىس

دومبىروۋىسكى

دومىتىئان

دومىنكو

دومىنكو جەمئىيىتى

دومىنات تۈزۈمى

دومىنىكا مەزھىپى

دوناتۇس مەزھىپى

دوناي مەدەنىيىتى

دونىس سىكوتۇس

دوۋنىڭ

دۇئارتې

دۇبوئىس

دۇبيەن جېڭجژفۇ (ۋاتانابې ماسانوسۇكى)

دۇپورت

دۇپرې

دۇپلېئى

دۇت

دۇتوۋ

دۇخونېن

دۇرېر

دۇكات

دۇكلوس

دۇگلاس

دۇگۇئىت

دۇڭجىڭ ھەقسىز مەكتىپى

دۇما

دۇمۇرې

دۇمېر

دۇمېرگې

دۇنبار

دۇنكان

دۇنكېركيۇې چېكىنىشى

دۇنكېركيۇې ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى

دۇننىڭ

دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزە

دۇنيا سانائەت ئىشچىلىرى ئىتتىپاقى

دۇۋال

دۇۋالېر

دۆلەت ئاساسى جەمئىيىتى

دۆلەت باشلىقى تۈزۈمى

دۆلەت سوتسىيال پارتىيىسى

دۆلەت سوتسىيالىزمى

دۆلەت قانۇنى قامۇسى

دۆلەت قوغدىنىش قانۇنى

دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتى

دۆلەتنى قامال قىلىش پەرمانى

دۆلەت ئىلمى ئېقىمى

دۆلەت يارلىقى

دۆۋە

دۋاراپاتى دۆلىتى

دۋوشاك

دۋىن قەدىمكى شەھىرى

دېئاكىن

دېبورىن

دېبىس

دېپرېتىس

دې-جىما

دېرژاۋىن

دېرېفۇس دېلوسى

دېسامي

دېسمۇلىن

دېسىدېرى

دېشۇ ئوردىسى

دېفو

دېكارت

دېكېبالۇس

دې گاسپېرى

دېگولل

دېگېيتېر

دېڭىز بوغۇزىدىكى مۇستەملىكىلەر

دېڭىز شىرى پىلانى

دېڭىز قاتنىشى نىزامى

دېڭىز قەلەندەرلىرى

دېڭىز قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى

دېلپئى ئوراكلې

دېلچېۋ

دېلفى

دېلكاسسېي

دېلوس ئىتتىپاقى

دېلېددا

دېلېسكلۇزې

دې لېئون

دېلى دۆلىتى

دېماك

دېمبوۋىسكى

دېموستېنې

دېموكراتلار جەمئىيىتى

دېموكراتىزمچىلار ئىتتىپاقى

دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى

دېموكراتىك سوتسىيالىزم

دېموكراتىك سىياسەت پارتىيىسى

دېموكراتىك ۋە سوتسىيالىستىك قارشىلىق كۆرسىتىش ئىتتىپاقى

دېموكرىت

دېمېترى

دېمېتېر

دېنارىئۇ

دېنام

دېنساۋى ۋەقەسى

دېنسۇشيانۇ

دېنكىن

دېئۇس راموس

دېھلى سۇلتانلىقى

دېھلى مۇداپىئە ئۇرۇشى

دېھقانچىلىق تەلىماتى

دېھقانچىلىق قەبىلىلىرى

دېۋا

دېۋېي

دىئاس

دىئاس

دىئاننۇنزىئو

دئائۇبىگنې

دىپو نېگورو

دىپو نېگورو ئۇرۇشى

دىچىڭ پارتىيىسى

دىدېرو

دىسرائېلى

دىشېڭ سۇلەي (ئوگىئۇسوراي)

دېكابر ئاساسىي قانۇنى

دېكابر قوراللىق قوزغىلىڭى

دېكابرىستلار

دىكتاتور

دىكېئوس

دىكېنىس

دىڭ بۇلىڭ

دىڭ روجۇڭ

دىڭ رويۇڭ

دىمىتروۋ

دمىترىي دونىسكوي

دىناۋەر

دىنگائان

دىنگىسۋايو

دىننى تازىلاش ھەرىكىتى

دىنىي سوت ئورنى

دىنىي سوت

دىنىي باج رەختى

دىنىس

دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى

دىنىي تەبىقە تۈزۈمى

دىنىي رىتسارلار پولكى

دىئودورۇس

دىئوكلېتىيان

دىئوگېنېس

دىئونىسوس

دىئونيسىئوس

دىيانبيەنفۇ جېڭى

ديۇپون

ديۇرىڭ

ئىزاھى

داباۋ قانۇن-پەرمانى

  • داباۋ قانۇن-پەرمانى[يەشمىسى:] ياپونىيە ياماتو دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن نارا دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگىچە يولغا قويۇلغان قانۇن-نىزاملار. تېننو فۇمىتاكى (مىلادى 697 — 707-يىللاردا تەختتە تۇرغان) داباۋ 1-يىلى (701-يىل)بۇ پەرماننى تۈزگەن ۋە ئىككىنچى يىلى يولغا قويغانلىقتىن «داباۋ قانۇن-پەرمانى»دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ مەزمۇنلىرى تېننو جىتو دەۋرىدىكى «فېينباۋ يىلىدا خان تەھقىقلىگەن قانۇن-پەرمانلار» (689-يىلى يولغا قويۇلغان)غا ۋارىسلىق قىلغان. ئۇ ئالتە جىلد قانۇن ۋە 11 جىلد پەرماندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇ تايكا ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. پەرماننىڭ ئەسلى كوپىيىسى ھازىر يوقاپ كەتكەن. ئاساسلىق مەزمۇندا «ياڭلاۋ قانۇن-پەرمانى»غا (ياڭلاۋ 2-يىلى يەنى 718-يىلى تۈزۈلگەن)ۋارىسلىق قىلىنغان. لېكىن بۇ ئىككى قانۇن پەرماننىڭ ئوخشىمايدىغان جايلىرىمۇ بار. بۇ قانۇن-پەرمانلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو تاڭ سۇلالىسى پەرمانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

داجۈيۆ دۆلىتى

  • داجۈيۆ دۆلىتى[يەشمىسى:] ۋيېتنامنىڭ دىڭ سۇلالىسى (968 — 980)، چيەنلى سۇلالىسى (980 — 1009) ۋە لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى (1009 — 1054)دۆلەت نامى. مىلادى 968-يىلى دىڭ بۇلىڭ 12 بەگلىكنى يوقاتقاندىن كېيىن قۇرغان دۆلەت. 973-يىلى سۇڭ سۇلالىسى دىڭ بۇلىڭغا ھىندىچىنى ئايمىغىنىڭ ئىنانچىسى دېگەن نام بېرىپ، ئۇنى ۋاسسال قىلىۋالغانىدى. ۋيېتنام شۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ ۋىلايەت-ناھىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغان. داجۈيۆ دۆلىتى ۋيېتنام تارىخىدىكى ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان تۇنجى فېئوداللىق دۆلەت بولۇپ قالغان. خۇالۇي (ھازىرقى نىڭپىڭ)دىڭ سۇلالىسى، چيەنلى سۇلالىسىنىڭ پايتەختى، شېڭلۇڭ (ھازىرقى خانۇي)لى سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بولغان. ئۇنىڭ زېمىنى بۈگۈنكى ۋېيتنامنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. 1050-يىلى لى شېڭزۇڭ نامىنى بۈيۈك ۋيېتنام دەپ ئۆزگەرتكەن.

دارلان

  • دارلان[يەشمىسى:] Francois Darlan،1881— 1942) فاشىست گېرمانىيە ئارمىيىسى فرانسىيىنى ئىشغال قىلىۋالغان مەزگىلدە ۋىش (Vichy) ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1941 — 1942) بولغان. 1902-يىلى دېڭىز ئارمىيە ھەربىي ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، دېڭىز ئارمىيىسىدە رېئار ئادمىرال (rear admiral)، ۋېكې ئادمىرال (Vece admiral) ۋە ئادمىرال ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1934-يىلى ئاتلانتىك ئوكيان فلوتىنىڭ قوماندانى بولغان. 1936-يىلى دېڭىز ئارمىيىسى باش شتاب باشلىقى بولغان. 1939-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسى باش قوماندانى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، 1940-يىل 6-ئاينىڭ 16-كۈنى دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرى بولۇپ، گېرمانىيە بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىككىنچى يىلى 8-ئايدا قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1942-يىلى فرانسىيە قوراللىق قىسىملىرى باش قوماندانى بولغان. كېيىن ئامېرىكا تەرەپ بىلەن مەخپىي ئالاقىلەشكەن. 1942-يىلى 11-ئايدا ئالجىرىيىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي ئافرىقىدا قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا قارشىلىق قىلىشنى توختاتقان ھەم دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى تەشكىللەپ، ئۆزى فرانسىيىنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى بولغان. شۇ يىلى دېكابردا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن.

دارماراتنا

  • دارماراتنا[يەشمىسى:]Dharmaratna، تەخمىنەن مىلادى Ⅰ ئەسىر) ئەنەتكەكلىك راھىب. جۇڭگو شەرقىي خەن سۇلالىسى يوڭپىڭنىڭ 10-يىلى (67) ئۇ كاسىيا پاماتانگا بىلەن بىرلىكتە ئاق ئاتقا بۇددا نومى ۋە بۇتلارنى ئارتىپ جۇڭگونىڭ لوياڭ شەھىرىگە كەلگەن. ئىككىنچى يىلى خەن مىڭدى ئاق ئات بۇتخانىسىنى سالدۇرۇپ، ئىككى راھىبقا بۇددا نومىنى تەرجىمە قىلدۇرغان، ئۇلار بىرلىكتە «42 بابلىق نوم» قاتارلىقلارنى تەرجىمە قىلىپ چىققان. بۇ جۇڭگودا بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دارۋىن

  • دارۋىن[يەشمىسى:]1) چارلېس دارۋىن (Charles Robert Darwin، 1809 — 1882)، ئەنگلىيىلىك ناتۇرالىست، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ياراتقۇچى، تەدرىجىي تەرەققىيات بىئولوگىيىسىگە ئاساس سالغۇچى. ئەنگلىيىنىڭ شرېۋسبۇرى (Shrewsbury) يېزىسىداتۇغۇلغان. ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىبابەتچىلىك فاكۇلتېتى ۋە كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1831 — 1836-يىللىرى ناتۇرالىست سالاھىيىتى بىلەن، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ «بېگىل»(Beagel«تايغان»)ناملىق پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ، يەر شارىنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىشقا قاتنىشىپ، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدە بەش يىل سەپەر قىلىپ، ئىسسىق بەلباغ ۋە مۆتىدىل بەلباغ رايونلىرىنىڭ ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ئىدىيىسىنى تۇرغۇزغان. ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن گېئولوگىيە جەمئىيىتىنىڭ ئىش باشقۇرغۇچىسى بولغان، 1839-يىلى خانلىق ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى بولغان، شۇ يىلى ئېمما ۋېدگۋود (Emme Wedgwood) بىلەن توي قىلغان. ئۇزاققىچە لوندوننىڭ يېنىدىكى دوۋن (Down) كەنتىدە ئولتۇراقلىشىپ، ئىلمىي تەجرىبە ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ جانلىقلار دۇنياسىغا قارىتا كۆپلىگەن بىۋاسىتە كۆزىتىش ۋە تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن، جانلىقلار دۇنياسىنىڭ دائىم ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرىدىغانلىقىنى، يېڭى تۈرلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كونا تۈرلەرنىڭ يوقىلىشى تەبىئەت تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ، بۇنىڭ بىلەن لامارك ئوتتۇرىغا قويغان تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە ئىلمىي ئاساس سېلىپ بەرگەن. تۈرلەرنىڭ شەكىللىنىشى، ماسلىشىشچانلىقى ۋە كۆپ خىللىقنىڭ ئاساسىي سەۋەبى تەبىئىي تاللىنىش (بۇنىڭ ئامىللىرى ئۆزگىرىش، ئىرسىيەت، ياشاش رىقابىتى)دەپ قارىغان. جانلىقلار تەبىئىي مۇھىتقا ماسلىشىش ۋە بىر بىرى بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ بارىدۇ، ياشاشقا ماسلىشالىغان ئۆزگىرىش، ئىرسىيەت ئارقىلىق ئەۋلادمۇئەۋلاد كۈچىيىپ بارىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا شاللىنىپ كېتىدۇ، يەنى جانلىقلار رىقابەت ئارقىلىق تەبىئىي تاللىنىپ، لايىقلاشقانلىرى ياشايدۇ، كۈچلۈكلىرى غالىب كېلىپ، ئاجىزلىرى ھالاك بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇ يەنە تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئانتروپولوگىيە (anthropology) دە قوللىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى ئورنى ۋە ئۇلارنىڭ ھايۋانلاردىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ كەلگەنلىكىنىڭ ئاساسلىرىنى شەرھلەپ، ئىنسانلار قەدىمكى ئادەمسىمان مايمۇنلاردىن مەيدانغا كەلگەن دېگەن يەكۈننى چىقىرىپ، ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى ئىلمىي نەزەرىيە ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەرگەن. دارۋىن تەلىماتى دۇنيانى خۇدا ياراتقان، ئادەمنى تەڭرى ئاپىرىدە قىلغان، تۈرلەر ئۆزگەرمەيدۇ، دېگەندەك مىتافىزىكىلىق، دىنىي ئىدېئالىزملىق نۇقتىئىنەزەرلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىنسانلارنىڭ بىلىشىدىكى، بولۇپمۇ تەبىئەت دۇنياسىنى بىلىشتىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ماركس، ئېنگېلس بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بەرگەن. ئېنگېلس دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بىلەن ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىش ۋە ئايلىنىش قانۇنى ھەم ھۈجەيرە تەلىماتىنى ⅩⅨ ئەسىردىكى تەبىئىي پەندىكى ئۈچ چوڭ كەشپىيات دەپ قارىغان. دەۋر چەكلىمىسى سەۋەبىدىن، دارۋىن تەلىماتى ھاياتلىق ۋە تۈرلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى تونۇشى يېتەرلىك بولمىغان، تەبىئىي تاللىنىشنىڭ رولىنى ئادەتتىن تاشقىرى تەكىتلەپ، تەدرىجىي ئىلگىرىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئورگانىك دۇنيا تەرەققىياتىدىكى سەكرەشنى ئىنكار قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە مالتوسنىڭ نوپۇس نەزەرىيىسى نۇقتىئىنەزەرىنى تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە ئېلىپ كىرىپ، بۇنىڭ بىلەن تۈرلەرنىڭ كۈرىشىنى جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل دەپ ھېسابلىغان. دارۋىن ھايات ۋاقتىدىلا جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات تەلىماتى جامائەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ۋە كەڭ تارقالغان. ئۇنىڭ «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى» (يەنە بىر خىل تەرجىمىسى «تۈرلەرنىڭ باشلىنىشى» 1859)، «ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆستۈرۈلگەن ھالەتتىكى ئۆزگىرىشى»،«ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە جىنسىي تاللىنىش» (يەنە بىر تەرجىمىسى «ئىنسانلارنىڭ باشلىنىشى ۋە تىپلارنىڭ تاللىنىشى»)قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) گېئورگى دارۋىن (George Howard Darwin، 1845 — 1912). ئەنگلىيە ئاسترونومى، ماتېماتىكى. چارلېس دارۋىننىڭ ئوغلى. كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسترونومىيە ۋە پەلسەپە پروفېسسورى بولغان. ئاسمان جىسىملىرى ئۆزگىرىشى ئىلمىي تەتقىقاتىدا بەلگىلىك نەتىجە قازانغان. «دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشى»، بەش توملۇق «ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى»دېگەن ئەسىرى بار.

دارىك

  • دارىك[يەشمىسى:] قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسى تىللاسىنىڭ نامى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا دارىئۇس Ⅰ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە تۇنجى قېتىم قويۇلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق نام بېرىلگەن. دارىك قەدىمكى پېرسىيە يېزىقىدىكى زارىك (ئالتۇن، ئېنگلىزچە Zarig دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ) دېگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ پەيدا بولغان دەپ ھېسابلىغانلارمۇ بار ئىدى. ھەربىر تال تىللانىڭ ئېغىرلىقى 4.8 گرام بولۇپ، ئۇنىڭ يۈزىگە قولىدا ئوقيا تۇتۇپ تۇرغان پادىشاھنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن؛ پەقەت پادىشاھلا ئۇنى قۇيدۇرۇشقا ھەقلىق دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ پۇل پۈتۈن ئىمپېرىيە تەۋەسىدە ئىشلىتىلگەن. ھەتتا ياۋروپا-ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىمۇ تارالغان.

دارىئو

  • دارىئو[يەشمىسى:]Ruben Dario، 1867 — 1916) نىكاراگۇئا شائىرى ۋە يازغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى فېلكس رۇبېن گاركىيە سارمىئېنتو (Felix Ruben Garcia Sarmiento). دۇكان خىزمەتچىسى، مۇخبىر بولغان. ئىلگىرى-كېيىن سالۋادور، چىلى، ئارگېنتىنا، ئىسپانىيە، ئامېرىكا ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارغان، نىكاراگۇئانىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئىش بېجىرگۈچىسى، ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. فرانسىيە پارناسچىلار ۋە سىمۋولىستلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، لاتىن ئامېرىكىسى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىلى ھەمدە لاتىن ئامېرىكىسى ئەدەبىياتىدىكى بولىۋار دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرى سىرلىق ۋە چۈشكۈنلۈك تۈسىدە بولغان، ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۆزگىرىپ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش خاھىشى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىدا بولغان. 1907-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ «مىترېغا بېغىشلانغان مەدھىيە» (Mitre)، «ناخشىلار توپلىمى»، «ئارگېنتىناغا بېغىشلانغان ناخشا»، «ئۆمۈر ۋە ئۈمىد ناخشىسى»، «كۈز ناخشىلىرى ۋە باشقىلار» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار.

دارىئۇس

  • دارىئۇس[يەشمىسى:]1) دارىئۇسⅠ DariusⅠ) ياكى DareiosⅠ تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 558 — 486). قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 522 — 486) ھىيتاسپېسنىڭ (Hytstaspes) ئوغلى بولۇپ، ئاخمېنىدلارغا مەنسۇپ. مىلادىدىن 522 يىل ئىلگىرى گائۇماتا سىياسىي ئۆزگىرىشىنى ۋە جايلاردا كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن (ئۇنىڭ جەريانى بېخستۇن قىيا تېشىغا ئويۇلغان). ھەربىي كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويغان. مىلادىدىن 518 يىل ئىلگىرى ھىندى دەرياسى ۋادىسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىنى بويسۇندۇرغان. ئىككىنچى يىلى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىدىكى كۆچمەن قەبىلىلەرگە ھۇجۇم قىلغان، مىلادىدىن 513 يىل ئىلگىرى، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى سىكتايلارغا قارشى يۈرۈش قىلىپ (يېڭىلىپ) خېللېسپون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تىراكىيىنى ئالغان. ئۇنىڭ زېمىن دائىرىسى شەرقتە ھىندى دەرياسىدىن غەربتە كىچىك ئاسىيا بويلىرىغىچە، جەنۇبتا مىسىر (نىل دەرياسىنىڭ 1-شارقىراتمىسى)دىن شىمالدا ياۋروپادىكى سىراگىيىگىچە كېڭەيتىلىپ، غايەت زور ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. ھوقۇق مەركەزلەشكەن ئىسلاھاتنى يولغا قويغان، مەمۇرىي ئۆلكىلەرنى ئايرىپ، باش ۋالىي تەسىس قىلىپ، دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتكەن؛ دائىمىي ئارمىيە قۇرۇپ، ھەربىي رايونلارنى تەسىس قىلغان، ئارمىيە بىلەن مەمۇرىيەتنى ئايرىغان. دۆلەت خەزىنىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئولپان مىقدارىنى بەلگىلەپ، باجنى كۆتۈرە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان، پۇل تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پادىشاھتا دارىك (تىللا) قۇيىدىغان ئىمتىياز بولىدۇ دەپ بەلگىلىگەن.خان يولى ياساپ، جام-راباتلارنى تەسىس قىلىپ، قوشۇن يۆتكەش ۋە مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈش ئىشلىرىغا ئاسانلىق تۇغدۇرغان. زورو ئاستېر دىنى (ئاتەش دىنى)نى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلىگەن. بۇ تەدبىرلەر پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشى قوزغالغان. مارافون ئۇرۇشى (مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى)دا مەغلۇپ بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى شېرشېس Ⅰ گرېتسىيىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلغان. دارىئۇس Ⅰ دەۋرىدە پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ قۇدرەت تاپقان دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (2) دارىئۇس Ⅲ (DariusⅢ مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 330). قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى(مىلادىدىن ئىلگىرى 336 — 330). ئەسلى ئىسمى كودوماننوس (Kodomannos). ئەردەشېر Ⅲ(ArtaxerxesⅢ، مىلادىدىن ئىلگىرى 358 — 336 تەختتە ئولتۇرغان) ھەرەمئاغىسى باگوئاس (Bagoas) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن تەختكە ئولتۇرغان ۋە ھەرەمئاغىسىنى ئۆلتۈرگەن. مىلادىدىن 335 يىل ئىلگىرى مىسىرنى يېڭىباشتىن بويسۇندۇرغان. مىلادىدىن 333 يىل ئىلگىرى ئىسسوس ئۇرۇشىدا ماكېدونىيە ئالېكساندر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ئەسىرگە ئېلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن قوشۇننى يېڭىباشتىن تەرتىپكە سالغان. مىلادىدىن 331 ئىلگىرى گائۇگامېلا (Gaugamela) دېگەن جايدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭدە ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولغان. ئۇ مېدىياغا قاچقاندا، باكتىرىيىنىڭ باش ۋالىيسى بېسسوس (Bessos) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن؛ قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسى شۇنىڭ بىلەن ھالاك بولغان (مىلادىدىن 330 يىل ئىلگىرى).

داس

  • داس[يەشمىسى:]Bhagavan Das، 1869 — 1959) باگاۋان داس دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ھىندىستانلىق پەيلاسوپ، ئالىم. ۋېدانتا مەزھىپى پەلسەپىسىنى ئىسلاھ قىلغۇچى. سانكارانىڭ «دۇنيا — خيال دېگەن تەلىماتىغا قارشى تۇرغان ھەمدە ئىدېئالىزم مەيدانىدا تۇرۇپ، ھىندىستاننىڭ قەدىمكى زامان يوگا مەزھىپىنىڭ پسىخولوگىيىلىك تەلىماتى بىلەن غەربنىڭ دەلىلچىلىكىنىڭ پسىخولوگىيىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى پسىخولوگىيە سىستېمىسىنى ياراتماقچى بولغان. ئۇنىڭ «مېنىڭ ئىلىم-پېنىم»، «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىلىم-پېنى» قاتارلىق ئاساسلىق ئەسەرلىرى بار.

داستان

  • داستان[يەشمىسى:] ئىنسانىيەت مەرىپىتىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى بىر تۈرلۈك ئەدەبىي ئىپادىلەش شەكلى. كۆپىنچە مۇھىم ۋەقەلەر ياكى ئەپسانىۋى رىۋايەتلەر، ياكى قەھرىمانلارنىڭ شانلىق ئىش-پائالىيەتلىرى بايان قىلىنىدۇ. دەسلەپتە كۆپىنچە ئاغزاكى شەكىلدە ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، خەلق سەنئەتچىلىرى تەرىپىدىن ئېيتىلغان. ئۇزاق مۇددەتلىك تارقىلىش جەريانىدا قايتا-قايتا پىششىقلانغان، ئاندىن ئەدىبلەر تەرىپىدىن خاتىرىلىنىپ، رەتلىنىپ، ئاخىرىدا كىتاب قىلىپ تۈزۈلگەن. قەدىمكى دەۋردىكى داڭلىق تارىخىي داستانلاردىن قەدىمكى شەرقنىڭ «ئالپامىش»، قەدىمكى ھىندىستاننىڭ «ماھابھاراتا» ۋە «رامايانا»، جۇڭگو زاڭزۇلىرىنىڭ «گېسار»، قەدىمكى يۇنانىستاننىڭ «ئىلىئادا» ۋە «ئودىسسا»، گېرمانلارنىڭ «نىبېلۇڭلار داستانى»، فرانسۇزلارنىڭ «رولاند داستانى» قاتارلىقلار بار. ئۇلار ناھايىتى يۇقىرى بەدىئىي قىممەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مۇئەييەن تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىگىمۇ ئىگە.

داسېگلىئو

  • داسېگلىئو[يەشمىسى:]Massimo Dazeglio، 1798 — 1866) ئىتالىيە ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى (1849 — 1852)، يازغۇچى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا گېئوبېرت ۋە بالبو بىلەن بىللە، ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ مۇتەپەككۇرى ۋە ئوڭ قانات باشلىقى بولغان. ئىتالىيىنى ساۋوئىيە (Savoia) پادىشاھلىقىنىڭ رەھبەرلىكىدە «يۇقىرىدىن-تۆۋەن» گە بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىنقىلابىي كۈرەشكە قارشى تۇرغان. 1847-يىلى 8-ئايدا «مىللىي پروگرامما لايىھىسى»نى ئېلان قىلغان، بۇ، ئىتالىيە لىبېراللىرىنىڭ سىياسىي ئەقىدىسىگە ئايلانغان. 1848-يىلى ئىنقىلابنىڭ باشلىرىدا ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقىدىن توسكانا دائىرىلىرى تەرىپىدىن قوغلىۋېتىلگەن. باش ۋەزىر، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغاندا، فرانسىيە ۋە ئەنگلىيىدىن ياردەم سوراپ، ئاۋسترىيىنىڭ تۆلىمىنى ئازايتماقچى بولغان؛ لومباردىيە ئىنقىلابىي ھەرىكىتىگە قاتناشقانلارنى كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇنىڭغا ئىجازەت بەرگەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە پاپا بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا رەسىم سىزىش ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1855 — 1859-يىللىرى تۇرىن سەنئەت كۆرگەزمىسىنى باشقۇرغان. «رومىنىيىدىكى ئەڭ يېقىنقى ۋەقەلەر» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىدىيىسىنى بايان قىلغان.

داشياگۇ ئۇرۇشى

  • داشياگۇ ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ياكى «گران چاكو ئۇرۇشى».

داكچىن

  • داكچىن[يەشمىسى:] رىمگان ياكى دېڭىزنىڭ غەربىدىكى دۆلەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا رىم ئىمپېرىيىسى شۇنداق ئاتالغانىدى. خەن سۇلالىسى خەن خېدىنىڭ يۇڭيۇەن 9-يىلى (مىلادى 97-يىلى)، غەربىي يۇرت قورۇقچىبېگى بەن چاۋ يانداش ئەلچى گەن يىڭنى داكچىنغا ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن. گەن يىڭ سۈرىيە دۆلىتىنىڭ دېڭىز ساھىلىغا يېتىپ بېرىپ، دېڭىزدىن ئۆتەلمەي قايتىپ كەلگەن. خەن سۇلالىسى خەن يۈەندى يەنشى 9-يىلى (مىلادى 161-يىلى)، سۈرىيىلىك بىر سودىگەر ئۆزىنى داكچىن دۆلىتى پادىشاھى ئانتوننىڭ ئەلچىسىمەن، مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆكئارت ئارقىلىق جۇڭگوغا كەلدىم دېگەن. بۇ جۇڭگو بىلەن رىم ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە قاتناش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. مىلادى 396-يىلى رىم ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن، داكچىن دېگەن ئىسىم شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى (ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى) نى كۆرسەتكەن. كېيىن جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا يەنە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى «فەرەڭ» دەپ ئاتالغان.

داكىن دانتون

  • داكىن دانتون[يەشمىسى:]Thakin Than Tun، 1911 — 1968) بىرما كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى (1947 — 1968) بولغان. دۇڭيۇي ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. رانگون داشۆسى قارىمىقىدىكى سىفەن شۆيۈەنىدە ئوقۇغان، ئوقۇتقۇچى بولغان. 1936-يىلى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، بىرمىلىقلار جەمئىيىتىگە قاتناشقان. 1938 — 1939-يىللىرى بىرما كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇش ئىشىغا قاتناشقان. 1940-يىلى ئەنگلىيىگە قارشى كۈرەش بىلەن شۇغۇللانغانلىقتىن قولغا ئېلىنىپ قامالغان. 1942-يىلى تۈرمىدىن چىققان. باماۋ (Bamaw، 1893 — 1977) ھۆكۈمىتىدە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ياپونىيىگە قارشى يەر ئاستى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1945-يىلى «بىرما فاشىستلارغا قارشى خەلق ئەركىنلىكى ئىتتىپاقى» نىڭ باش سېكرىتارى بولغان. شۇ يىلى 7-ئايدا بىرما كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 2-قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى ۋە سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1947-يىلى بىرما كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. شۇ يىلدىن باشلاپ، بىرما كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1948-يىلى بىرما كومپارتىيىسى قراللىق كۈرەشكە كۆچكەندىن كېيىن بىرما كومپارتىيىسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە خەلق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1968-يىلى 9-ئايدا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قۇربان بولغان.

داكىيە

  • داكىيە[يەشمىسى:]Dacia) قەدىمكى يەر نامى. تىسا، دۇناي ۋە دنېستىر دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرىسى (كۆپ قىسمى ھازىرقى رۇمىنىيىدە) غا جايلاشقان. ئاھالىسى ئادەتتە فراكىيىلىك گېتېلار (Getae) بىلەن مەنبەداش دەپ قارىلىدۇ، رىملىقلار داكىيە (Daci) لىكلەر دەپ ئاتايدۇ. ئاۋگۇست تەختتىكى مەزگىلدە (مىلادىدىن 27 يىل ئىلگىرى — مىلادى 14-يىلى) داكىيىلىكلەر دۇناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ جەنۇبقا بارغان بولسىمۇ، لېكىن رىملىقلار تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلگەن. مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، رىملىقلار بىر مەھەل تاجاۋۇز قىلغان بولسىمۇ، داكىيىلىكلەرنىڭ داھىيسى دېكىبالۇس تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، رىملىقلار ھاقارەتلىك سۈلھ شەرتنامە تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. مىلادى 101—106-يىللىرى تراجانۇس (Trajanus) ئاخىر ئالتۇن كۆپ چىقىدىغان داكىيىنى بويسۇندۇرۇپ («داكىيە ئۇرۇشى» غا قاراڭ)، ئۆلكە تەسىس قىلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ كۆپلىگەن كۆچمەنلىرى بۇ يەرگە كىرىپ، بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان. رىملاشتۇرۇش جەريانىمۇ شۇنىڭدىن باشلانغان. 118-يىلدىن كېيىن، داكىيە رىم تەرىپىدىن ئۈستۈن داكىيە (شىمالىي قىسمى) ۋە تۆۋەن داكىيە (جەنۇبىي قىسمى) گە بۆلۈۋېتىلگەن. 124-يىلدىن كېيىن يەنە شىمالدا داكىيە-پرولىسېن rolissensis) (Dacia نى ئايرىپ چىققان. يەنى ئۈچكە بۆلۈپ ئەمەلدار ئەۋەتىپ باشقۇرغان. ئۇنىڭ مەمۇرىي مەركىزى ئۈستۈن داكىيىدىكى سارمىزېگېتۇسا (Sarmizegetusa) دا بولغان. تەخمىنەن Ⅲ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بىر بۆلۈك گوتلار كىرىپ ماكانلاشقان.

داكىيىلىكلەر

  • داكىيىلىكلەر[يەشمىسى:] «داكىيە» گە قارالسۇن.

داكىيە ئۇرۇشى

  • داكىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ داكىيىنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشى. مىلادى 101 — 102-يىللىرى ۋە 105 — 106-يىللىرى رىم پادىشاھى تراجانۇس ئىككى قېتىم لەشكەر تارتىپ چىقىپ، داكىيىگە تاجاۋۇز قىلغان. دېكېبالۇس باشچىلىقىدىكى داكىيىلىكلەر پىداكارلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئاخىر مەغلۇپ بولغان. داكىيە رىمنىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ قالغان. «داكىيە» گە قارالسۇن.

داگاما

  • داگاما[يەشمىسى:]Vasco Da Gama، تەخمىنەن 1460 — 1524) پورتۇگالىيىلىك دېڭىزچى. 1497-يىلى 7-ئايدا، پورتۇگالىيە كورۇلى مانوئېلنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، تۆت كېمە ۋە تەخمىنەن 140 كېمىچىنى باشلاپ، لېسابۇندىن يولغا چىقىپ، ھىندىستانغا بارىدىغان يولنى ئىزدىگەن. 11-ئاينىڭ 20-ياكى 22-كۈنلىرى ئۈمىد تۇمشۇقىدىن ئايلىنىپ ئۆتكەن. 1498-يىلى 4-ئايدا مالىندى (Malindi) گە يېتىپ بارغان. كېيىن ئەرەب مات-روسى مەجىد (Ahmed ibn Madjid) نىڭ يول باشلىشى بىلەن، 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ھىندىستاننىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى كالىكۇتتاغا يېتىپ بارغان.1499-يىلى 9-ئايدا لېسابۇنغا قايتىپ بارغان. 1502 — 1503-يىللىرى ھىندىستانغا يەنە بىر قېتىم بارغان. 1524-يىلى 4-ئايدا پورتۇگالىيە قارىمىقىدىكى ھىندىستاننىڭ باش ۋالىيسى سالاھىيىتى بىلەن ئۈچىنچى قېتىم ھىندىستانغا بارغان. شۇ يىلى 12-ئايدا ھىندىستاننىڭ كوچىن (Cochin) دېگەن يېرىدە ئۆلگەن. داگاما ھىندىستان دېڭىز يولىنى ئېچىپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز قاتنىشى ۋە سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن، شۇنداقلا بۇ، ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ شەرق دۆلەتلىرىنى مۇستەملىكە ۋە تالان-تاراج قىلىشنىڭ باشلىنىشىمۇ بولغان. «جۇغراپىيىلىك زور بايقاش» قا قارالسۇن.

دال

  • دال[يەشمىسى:]Владимир Иванович Даль، 1801 — 1872) روسىيىلىك يازغۇچى، تىلشۇناس. تەخەللۇسى «كازاك لۇگانسكىي» (Казак Луганский). دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1829-يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن. دوختۇر ۋە ئەمەلدار بولغان. 1838-يىلى پېتربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئاكادېمىكى بولغان. پۇشكىن بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولغان. Ⅳ توملۇق «ھازىرقى زامان رۇس تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى»، ئىككى توملۇق «رۇس خەلق ماقال-تەمسىللىرى» نى تۈزۈپ چىققان، بۇلار رۇس تىل-ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلق ئارىسىدىكى ھېكايە ۋە چۆچەكلەرنى توپلاپ «روسىيە چۆچەكلىرى»، «ئۆتكەنكى ئىشلار ۋە سەپسەتە» قاتارلىقلارنى نەشىر قىلدۇرغان.

دالادېر

  • دالادېر[يەشمىسى:]Edouard Daladier، 1884 — 1970) فرانسىيە زۇڭلىسى (1933-، 1934-، 1938 — 1940)، رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. ياش ۋاقتىدا تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئارمىيىدە ئىشلىگەن. 1919-يىلى پارلامېنتقا سايلانغان. 1924-يىلدىن باشلاپ ئون نەچچە قېتىم كابىنېتقا كىرىپ، مۇستەملىكە، جامائەت قۇرۇلۇشى، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى قاتارلىق مىنىستىرلىكلەرنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1934-يىلى رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى بولغان. 1935-يىلى فرانسىيە خەلق سېپىگە قاتناشقان. ئۈچ قېتىم زۇڭلى بولۇپ، تىنچلاندۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان، گېرمانىيە-ئىتالىيە فاشىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا يول قويغان. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئاتالمىش «ئارىلاشماسلىق» فاڭجېنىنى يۈرگۈزگەن ھەم 1939-يىلنىڭ بېشىدا فرانكو ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان. 1938-يىلى فرانسىيە ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن «ميۇنخېن كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، 1939-يىلى كومپارتىيىنى قانۇنسىز دەپ جاكارلىغان ھەمدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پارلامېنتتىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنى سوتقا تاپشۇرۇپ سوراق قىلغۇزغان. 1940-يىلى گېرمانىيە فرانسىيىنى ئىشغال قىلىۋالغان، شۇ يىلى ۋىش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، گېرمانىيە ۋە ئاۋسترىيىدە تۈرمىدە ياتقان. 1945-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 1946 — 1958-يىللىرى مىللىي پارلامېنت ئەزاسى بولغان. «ياۋروپا مۇداپىئە گۇرۇھى» ۋە 1954-يىلدىكى «پارىژ كېلىشىمى» گە قارشى تۇرغان. 1957-يىلى رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1958-يىلى دې گوللېنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە كەسكىن قارشى تۇرغان، كېيىن سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان.

دالتون

  • دالتون[يەشمىسى:]John Dalton، 1766 — 1844)، ئەنگلىيىلىك خىمىك، تەبىئەت پەيلاسوپى. نامرات توقۇمىچىلىق ئىشچىسى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاساسەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە تايىنىپ، ئالىم بولۇپ يېتىشكەن. 1778-يىلىدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچى بولغان. 1801-يىلى «گازنىڭ بېسىمىنى بۆلۈش قانۇنى» نى كەشپ قىلغان، 1803-يىلى «ھەسسىلىك نىسبەت قانۇنى» نى كەشپ قىلغان ھەمدە ئېلېمېنتلارنىڭ نىسپىي ئاتوم ئېغىرلىقىنى كىرگۈزگەن (ئەڭ دەسلەپكى ئاتوم ئېغىرلىقى جەدۋىلىنى ئوتتۇرىغ-ا قويغان). 1808-يىلى «دالتون ئاتوم تەلىماتى»نى ئېلان قىلغان. 1816-يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئاكادېمىكلىقىغا سايلانغان، 1822-يىلى ئەنگلىيە پادىشاھلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىقىغا سايلانغان. «خىمىيە ئىلمىنىڭ يېڭى سىستېمىسى» دېگەن ئەسىرى بار.

دالخوسى

  • دالخوسى[يەشمىسى:]Dalhousie (1) ئەنگلىيىدىكى رامساي (Ramsay) ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىنىڭ ۋارىسلىق ئۇنۋانىنىڭ نامى، (2) جامېس ئاندىرېۋبرون رامساي (James Andrew Broun Ramsay1812 — 1860) دالخوسى دېگەن ئۇنۋانغا ۋارىسلىق قىلغان. ھىندىستاننىڭ ئەنگلىيىلىك مۇستەملىكىچى باش ۋالىيسى(1848— 1856). ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشىنى ھەر يىلى قوزغاپ، سىكخىسىم دىندارلىرىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، پەنجاب (1849-يىلى)، ئوئۇد (Oudh، 1856) قاتارلىق شتاتلارنى يۇتۇۋالغان. يەرلىك شتاتلارنىڭ خوجا-بەگلىرى ئۆلگەندىن كېيىن ئىزىنى باسىدىغان ئۇرۇق-ئەۋلادى بولمىسا، دۆلەت يېرى شۇ ھامان قوشۇۋېتىلىدۇ دېگەن «ھوقۇقتىن مەھرۇم بولۇش سەپسەتىسى» نى ئويدۇرۇپ چىقارغان. ئۇ شۇنى باھانە قىلىپ، ئىلگىرى-ئاخىر زەپۇر، جاڭشى ۋە ناڭپۇر قاتارلىق شتاتلارنى يۇتۇۋالغان. 1852-يىلى بىرمىغا ئىككىنچى قېتىم تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغاپ، بوگونى يۇتۇۋالغان. تۆمۈريول، پوچتا-تېلېگراف تۈزۈملىرىنى ئورنىتىش، گانگ قانى-لىنى ئېچىش، ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ھىندىستانلىقلارنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بولۇش شەرتلىرىنى كەڭ قويۇش ئارقىلىق ھىندىستانغا بولغان كونتروللۇقنى ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىنى كۈچەيتكەن.

داللاپىككوللا

  • داللاپىككوللا[يەشمىسى:]Luigi Dallapiccolla، 1904 — 1975) ئىتالىيىلىك مۇزىكانت، پىئانىست، مائارىپچ-ى. پېسىنو (ئەينى چاغدا ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولغان. ھازىر يۇگوسلاۋىيىنىڭ پاجىدا دېگەن يېرى) دا تۇغۇلغان. قەدىمكى زامان تىلى پەنلىرى پروفېسسورىنىڭ ئوغلى. بالىلىق دەۋرىدىلا مۇزىكىغا قىزىققان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئائىلىسى بىلەن ئاۋسترىيىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان. 1921-يىلى فلورىنسىيە مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇغان. 1934-يىلى مۇشۇ ئىنستىتۇتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 50-يىللاردىن 60-يىللارغىچە ئامېرىكىدا مۇزىكىدىن دەرس ئۆتۈپ، خېلى زور تەسىر قوزغىغان. ئەسلى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى، باروك ۋە ھازىرقى زامان ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1939-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە شوبېرگ ۋە ۋېبوئېن قاتارلىقلارنىڭ 12 ئاھاڭلىق سىستېمىسىنى قوللىنىشنى كېڭەيتكەن ھەمدە ئۇنى ئىتالىيىنىڭ يېقىملىق ئاھاڭى بىلەن بىرلەشتۈرگەن. ئۇنىڭ فاشىست مۇستەبىتلىكىگە قارشى تۇرۇلغان «مەھبۇسلار ناخشىسى»، «كېچىدە قېچىش» دېگەن ئەسەرلىرى، فاشىزمنىڭ يىمىرىلگەنلىكىگە تەنتەنە قىلىنغان «ئازادلىق ناخشىسى» ۋە تانسا مۇزىكىلىرى، ئومۇمخور ۋە زىياپەت مۇزىكىلىرى قاتارلىقلار بار.

داللېس

  • داللېس[يەشمىسى:]1) جون فۇستېر داللېس (John Foster Dulles، 1888 — 1959) ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى (1953 — 1959). جۇمھۇرىيەتچى. 1908-يىلى پرېستون ئۇنىۋېرسىتېتىنى تۈگەتكەن. دەسلەپ ئادوۋكات بولغان. 1919-يىلى ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. 1945-يىلى سان-فرانسىسكۇ يېغىنىدا ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1945 — 1949-يىللىرى ب د ت يىغىنىغا ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولۇپ قاتناشقان. 1950-يىلى ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى پىلانلاشقا قاتناشقان. 1951-يىلى ياپونىيە سودىگەرلىرى بىلەن ئامېرىكا-ياپونىيە سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈپ، يېڭى جۇڭگوغا دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان ھەمدە جۇڭگونىڭ ب د ت دىكى قانۇنىي ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلغان. دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە، ئەمەلىي كۈچ ئورنى سىياسىتى بىلەن ئۇرۇش گىرۋىكى سىياسىتىنى تەرغىپ قىلغان؛ بىر خىل «زور كۆلەمدىكى قىساس ئېلىش» ۋاسىتىسى سۈپىتىدە يادرو قوراللىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان؛ ھەرقانچە بەدەل بېرىشتىن يانماي «كوممۇنىزمنى توسۇش» نى تەشەببۇس قىلغان؛ كۈچىنىڭ بارىچە جياڭ جيېشى ھاكىمىيىتى بىلەن ۋيېتنامدىكى ۋۇتىڭيەن ھاكىمىيىتىنى قوللاپ كەلگەن؛ ئوتتۇرا شەرقتە «ئىزېنخائوئىرىزم» نى يولغا قويغان. كېسەل بولۇپ ئۆلۈشتىن بۇرۇنراق خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئۇنىڭ «ئۇرۇش، تىنچلىق ۋە ئۆزگىرىش»، «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» ناملىق ئەسەرلىرى بار. (2) ئاللېن ۋېلىش داللېس (Allen Welsh Dulles، 1893 — 1969) ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى (1953 — 1961). جون داللېسنىڭ ئىنىسى. 1916-يىلى دىپلوماتىيە ساھەسىگە خىزمەتكە كىرگەن. 1922-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ يېقىن شەرق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان، 1926-يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئادۋوكاتلىق قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ستراتېگىيىلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇھىم ئەمەلدارى بولغان. 1951-يىلى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1953-يىلى ئىدارە باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. باشلىق بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى پەيدىنپەي ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئاخبارات ئورگىنىغا ئايلانغان. 1961-يىلى گېلون ساھىلى ۋەقەسى بىلەن مەغلۇپ بولۇپ ئىستېپا بەرگەن. ئۇنىڭ «گېرمانىيىدىكى مەخپىي پائالىيەت»، «ئاخباراتچىلىق تېخنىكىسى»، «مەخپىي ئەل بولۇش» ناملىق ئەسەرلىرى بار.

دالېكارلىيە تاغلىق رايونى دېھقانلار قوزغىلىڭى

  • دالېكارلىيە تاغلىق رايونى دېھقانلار قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] 1434 — 1436-يىللاردىكى شۋېتسىيە دېھقانلار قوزغىلىڭى. دالېكارلىيە (Dalecarlia ياكى Dalarna) تاغلىق رايونىدا قوزغالغان، 40 — 50 مىڭ كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئاساسلىقى دېھقانلار، كان ئىشچىلىرى، ئۇلار باج-سېلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. رەھبىرىي كىچىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان كان سودىگىرى ئېنگېلبىرېكت. قوزغىلاڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور كۆپ قىسىم رايونىنى قاپلاپ كەتكەن. بىر قىسىم ئاقسۆڭەك ۋە شەھەر ئاھالىلىرىمۇ قاتنىشىپ، دانىيىنىڭ قوشۇمچە شۋېتسىيىنىڭ كورۇلى ئېرىك Ⅶ (Ⅶ Eric، 1382 — 1459) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. 1436-يىلى، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى پايتەختنى ئىگىلەپ، پادىشاھنى بىكار قىلىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە تەبىقىلەر يىغىنىنى چاقىرغان. شۇ يىلى ئېنگېلبىرېكت سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىن قوزغىلاڭ باستۇرۇلۇپ، مەغلۇپ بولغان.

دالېمبېرت

  • دالېمبېرت[يەشمىسى:]Jeanle Rond Dalembert، 1717 — 1783) فرانسىيىلىك ماتېماتىك، تەبىئىي پەن ئالىمى، پەيلاسوپ. بىر ئاقسۆڭەكنىڭ نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسى، تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن ئىشچى ئائىلىسىدە چوڭ بولغان. ئۆزلۈكىدىن ئىلاھىيەت، تىبابەت، قانۇن ۋە ماتېماتىكا ئۆگەنگەن. 1741-يىلى تەبىئىي پەن ئاكادېمىيىسىگە كىرگەن، 1754-يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە سايلانغان، 1772-يىلى مەزكۇر ئاكادېمىيىنىڭ كاتىپى بولغان. 1751-يىلى دىدېروغا ياردەملىشىپ «ئېنسكلوپېدىيە» نى تەھرىرلىگەن ۋە بۇ كىتابنىڭ سۆز بېشىنى يازغان ھەمدە ماتېماتىكا ۋە تەبىئىي پەن ماددىلىرىنى يېزىشقا مەسئۇل بولغان، فرانسىيە مەرىپەتچىلىكىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى. چېركاۋ ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ، 1758-يىلى تەھرىر بۆلۈمىدىن چېكىنىپ چىققان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى پەلسەپە، مۇزىكا («مۇزىكا قائىدىلىرى» 1752)، مېخانىكا (دالېمبېرت مېخانىكىسى قائىدىلىرى، يەنى مەلۇم جىسىمغا تەسىر كۆرسەتكەن سىرتقى كۈچنىڭ يىغىندىسى شۇ جىسىمنىڭ ئەكس تەسىر كۈچىگە تەڭ بولىدۇ)، ماتېماتىكا (دالېمبېرت دىففېرېنسىئال تەڭلىمىسى: y = xf[y1]+g[y1]دالېمبېرت ئالگېبرالىق تېئورېمىسى: ھەربىر كۆپ ئەزالىق تەڭلىمىدە كەم دېگەندە بىر يىلتىز بولىدۇ)، ئاسترونومىيە (سەييارىلەرنىڭ ئېغىش ۋە ئايرىلىش نۇقتىلىرىنىڭ يىل پەرقى) قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

دالېن

  • دالېن[يەشمىسى:]Nils Gustaf Dalen، 1869 — 1937) شۋېتسىيىلىك كەشپىياتچى. شۋېتسىيە ۋە شۋېتسارىيىدە تەربىيە ئالغان. قۇياش كلافانىنى كەشپ قىلىپ، ئاپتوماتىك يېنىپ-ئۆچىدىغان قۇياش نۇرى لەيلىمە بەلگىسىنى ياساپ چىققانلىقتىن، 1912-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يەنە ئاتسېتىلېننى ئاتسېتوندا ئېرىتكەندە پارتلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى كەشپ قىلىپ، ئىسسىق ھاۋادا شامال ئۆتكۈزۈش، ھاۋا كومپىرېسسورى ۋە سۈت سېغىش ماشىنىلىرىنى ياخشىلىغان. 1913-يىلى تەجرىبە قىلىۋېتىپ، پارتلاپ كېتىش ۋەقەسى بىلەن قارىغۇ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ۋاپات بولغانغا قەدەر خىزمەتنى داۋاملاشتۇرغان.

دام

  • دام[يەشمىسى:]Carl Peter Henrik Dam، 1895 — 1976) دانىيىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك خىمىيە ئالىمى. 1920-يىلى كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسال تېخنىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن ئۇزۇن مۇددەت كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىئولوگىيە تەجرىبىخانىسىدا ئىشلىگەن. 1940 — 1945-يىللىرى ئامېرىكىدا ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 1939-يىلى ئامېرىكىلىق دويىسى (Edward Adelbert Doisy، 1893 —) بىلەن بىرلىكتە ۋىتامىن K1 نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئۇنىڭ رولىنى سىناق قىلىپ ئېنىقلاپ چىققان، كېيىن 1943-يىلى ئىككىسى بىرلىكتە نوبېل تىببىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1946-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ، كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسال تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1956-يىلدىن باشلاپ دانىيىنىڭ ماي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى بولغان.

داموكلېس

  • داموكلېس[يەشمىسى:]Damokles ياكى Damocles، مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅳ ئەسىر) سىراكۇس (سىتسىلىيە ئارىلى) تىرانىنىڭ ئوردا ۋەزىرى. ئادەتتە، تىران دىئونىسىئۇس Ⅰ (Dionysios Ⅰ ياكى DionysiusⅠ) گە خۇشامەتچىلىك قىلىپ، تىراننىڭ ھوقۇق كۈچى ۋە مال-مۈلكى يېتەرلىك، تازا بەخت-تەلەيلىك دەپ ماختىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تران داموكلېسقا «پادىشاھنىڭ بەخت تەلىيى» نى بىلدۈرۈش ئۈچۈن زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى تەختتە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپتۇ-دە، ئۇنىڭ بېشىغا بىرتال ئىنچىكە ئات يايلىغا باغلانغان بىر ئۆتكۈر قىلىچنى ئېسىپ قويۇپتۇ. دىئونىسىئۇس ئۇنىڭغا ھۆكۈمراننىڭ بەخت-تەلىيى بىلەن دائىم ئۆلۈم ئاپىتى بىللە بولىدۇ، دېگەننى بىلدۈرۈپتۇ. كېيىنكىلەر «داموكلېس قىلىچى» دېگەننى «خەۋپلىك بەخت» كە ئوخشىتىدىكەن ياكى ئۇ ئارقىلىق «بەخت ئىچىگە ئاپەتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى» دىن ۋە ياكى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا تۇرغان خەۋپتىن بېشارەت بېرىدىكەن.

دانا

  • دانا[يەشمىسى:]1) جامېس دۋىگت دانا (James Dwight Dana، 1813 — 1895) ئامېرىكىلىق گېئولوگ. مىنېرالوگ. نيۇ-يورك شتاتىدا تۇغۇلغان. 1833-يىلى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1837-يىلى «مىنېرالوگىيە سىستېمىسى» نى نەشىر قىلدۇرۇپ، مىنېرال تۈرلىرىنى خىمىيىلىك تەركىبىگە قاراپ بېكىتىپ چىققان. 1838 — 1842-يىللىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكيانغا يۈرۈش قىلىش ئەترىتىگە قاتنىشىپ، مارجان ئاراللىرىدىكى ھايۋاناتلار ۋە گېئولوگىيە ھەققىدە كۆرۈنەرلىك دۆكلات يېزىپ چىققان. 1850 — 1892-يىللىرى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان. «ئامېرىكا ئىلىم-پەن ژۇرنىلى» دا كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان ھەمدە مەزكۇر ژۇرنالدا 49 يىل تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. دانا كرىستال يۈزى بەلگىسى قانۇنىنى ئىجاد قىلغان. «گېئولوگىيە قوللانمىسى»، «مارجان خادا تاشلىرى ۋە مارجان ئاراللىرى»، «يانار تاغلارنىڭ ئالاھىدىلىكى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.(2) ئىدۋارد سالىسبورى دانا (Edward Salisbury Dana، 1849 — 1935) ئامېرىكىنىڭ مىنېرالوگىيە ۋە فىزىكا ئالىمى. جامېس دۋىگت دانانىڭ ئوغلى. كوننېكتىكۇت شتاتىدا تۇغۇلغان. يېل ئۇنىۋېرسىتېتى مىنېرالوگىيە ۋە فىزىكا پروفېسسورى، قوشۇمچە مىنېرال يىغىپ ساقلاش مۇزېيىنىڭ باشلىقى بولغان. مىنېرالوگىيە ئىلمىنى تەسۋىرلەش ۋە مىنېراللارنى تۈرگە ئايرىش جەھەتتە ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان. «مىنېرالوگىيە دەرسلىكى»، «مىنېراللار ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىش ئۇسۇلى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

داندىغا يۈرۈش قىلىش

  • داندىغا يۈرۈش قىلىش[يەشمىسى:] تۇز ئۈچۈن يۈرۈش قىلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىندىستاندىكى گەندى قوزغىغان ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتىنىڭ تۇزنى مەخسۇس سېتىش قانۇنىغا قارشى ھەرىكەت. 1930-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى گەندى ئۆزىنىڭ 79 نەپەر مۇرىتىنى باشلاپ ئامرد ئاباتتىكى «ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش ئورنى» دىن پىيادە يولغا چىقىپ، دېڭىز بويىدىكى داندى كەنتىگە كېلىپ، ئۆزلىرى تۇز ئىشلەپ چىقارماقچى بولغان. ئۇلار يول بويى ھەرقايسى كەنتلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان ھەمدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، قوللىغۇچىلىرى ئۈزلۈكسىز قوشۇلغان. 4-ئاينىڭ 5-كۈنى داندى كەنتىگە يېتىپ كەلگەن. 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ، دېڭىز ساھىلىدا دېڭىز سۈيىدىن تۇز ئىشلەپ چىقىرىشنى باشلىۋەتكەن.بۇ ھەرىكەت ئۈچ ھەپتە داۋاملىشىپ، تۇزنى مەخسۇس سېتىش قانۇنىغا قارشى مەملىكەت خاراكتېرلىك ئاممىۋى ھەرىكەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىككىنچى قېتىملىق ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغىغان. شۇ يىلى 5-ئايدا، گەندى قولغا ئېلىنىپ، خەلق كونگرېسى پارتىيىسى قانۇنسىز پارتىيە دەپ ئېلان قىلىنغان، ھەرىكەتكە قاتناشقان 6 مىڭدىن ئارتۇق ئامما تۇتقۇن قىلىنغان.

دانتون

  • دانتون[يەشمىسى:]Georges Jacques Danton، 1759 — 1794) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ياكوبىنچىلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئاركىس-سۇر-ئابې (Aube Sur Arcis) دا تۇغۇلغان. دادىسى تەپتىش ئەمەلدارى. تىرويېس (Troyes) دىنى مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1780-يىلى پارىژغا كەلگەن. 1787-يىلى زوراغالىق مەھكىمىسىدە ئادۋوكات بولغان. 1789-يىلدىكى ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كوردېلىر كۇلۇبىنى قۇرغان بولسىمۇ، كېيىن ياكوبىنچىلار كۇلۇبىغا قاتناشقان. ئۇ بەس-مۇنازىرىچى بولغاچقا «ئاددىي خەلقنىڭ ناتىقى» دەپ نام ئالغان. 1791-يىل7-ئاينىڭ17-كۈنى مارس مەيدانىدا قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، بىر مەزگىل ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. 12-ئايدا پارىژ كوممۇنىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى بولۇپ سايلانغان. 1792-يىلى 10-ئاۋغۇست قوزغىلىڭىدىن كېيىن گروندىچىلار ئىچكى كابىنېتىدا ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان. 9-ئايدا تاشقى دۈشمەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن جىددىي پەيتتە، گروندىچىلارنىڭ پايتەختنى كۆچۈرۈشىگە قارشى تۇرۇپ، «دۈشمەننى يېڭىش ئۈچۈن، بىز باتۇر بولۇشىمىز لازىم، باتۇر، يەنىمۇ باتۇر بولغاندىلا فرانسىيە چوقۇم قۇتقۇزۇۋېلىنىدۇ» دېگەن مەشھۇر نۇتقىنى ئېلان قىلغان.شۇ ئايدا پارىژ ۋەكىلى سۈپىتىدە مىللىي ئۇيۇشمىغا سايلىنىپ، پادىشاھنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشقا قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرگەن. دەسلەپتە گروندىچىلار بىلەن مونتاگناردچىلارنى كېلىشتۈرۈپ قويماقچى بولغان، كېيىن مونتاگناردچىلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. 1793-يىلى 4-ئايدىن 7-ئايغىچە ئۆزى تەشەببۇس قىلىپ قۇرغان ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتىغا رەھبەر بولغان. 7-ئايدا روبېس پېررې ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن ۋە رەھبەرلىك قىلغاندىن كېيىن ھوقۇقى چەكلىمىگە ئۇچراپ، بىر مەزگىل سىياسىي سەھنىدىن ئايرىلغان. 11-ئايدا يەنە مىللىي ئۇيۇشمىغا قايتىپ كېلىپ، چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، دىسمولين قاتارلىق كىشىلەر بىلەن روبېس پېررېنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىگە قارشى چىققان. 1794-يىل 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن.

دانتې

  • دانتې[يەشمىسى:]DanteAlighieri،1265— 1321) ئىتالىيە شائىرى. فلورېنسىيە شەھىرىدىكى بىر ۋەيران بولغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ياش ۋاقتىدا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان شەھەر ئاھالىسى سىنىپىنىڭ فېئودال ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى كۈرىشىگە قاتناشقان. 1300-يىلى فلورېنسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالتە چوڭ مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى بولۇپ سايلانغان. بۇ مەزگىلدە فلورېنسىيىدە پاپا تەرەپدارى ۋە كورۇل تەرەپدارى بولۇپ، ئۇ پاپا تەرەپدارى بولغان. كېيىنرەك پاپا تەرەپدارلىرىنىڭ ئىچىدە يەنە ئاقلار ۋە قارىلار دەپ ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئالدىنقىلىرى كورۇل تەرەپدارلىرىغا يېقىن، كېيىنكىلىرى بۇلارغا قارشى پوزىتسىيىدە تۇرغان. دانتې ئاقلارغا تەۋە بولۇپ، بۇ گۇرۇھنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. 1302-يىلى قارىلار گۇرۇھى ئۈستۈنلۈك قازىنىپ، دانتې رىم ۋاتېكانىغا ۋەكىللىك قىلغۇچى ئەكسىيەتچىل كۈچلەر تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان، ئىتالىيىنىڭ ھەر- قايسى جايلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، ئاخىر لاۋېنادا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئەسىرى — لىرىكىلىق شېئىرلار توپلىمى — «يېڭى ھايات» بولۇپ، بۇنىڭدا، ئۆزىنىڭ ياقتۇرغان ۋە ۋاقىتسىز قازا تاپقان قىزى بېياتلىسقا تەزىيە بىلدۈرۈلگەن. «ئاممىباب تىل ھەققىدە» دېگەن ئەسىرىدە، مىللىي تىل بىلەن (ئوتتۇرا ئەسىردىكى غەربىي ياۋروپا ئەللىرىدە لاتىن تىلىنى قوللىنىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن) يېزىقچىلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىتالىيان مىللىي تىلىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى تېزلەتكەن. «مونارخىيە توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىدە ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىۋېتىشنى، بىرلىككە كەلگەن ئىتالىيە پادىشاھلىقى دۆلىتىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى — «ئىلاھ كومېدىيىسى» (1307 — 1321) بولۇپ، بۇ، توسكانا شېۋىسى بىلەن يېزىلغان داستان. داستان «دوزاخ»، «ھەۋزى كەۋسەر» ۋە «جەننەت» دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. «ئىلاھ كومېدىيىسى» گەرچە كاتولىك دىنى جەمئىيەتلىرى تەرغىپ قىلىپ كەلگەن تەركىدۇنياچىلىق ۋە ئاخىرەت كۆز قارىشىنىڭ ئاسارىتىدىن خالى بولالمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭدا ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنىڭ بىخلىرى ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ كېيىنكى دەۋرىدىكى ئىتالىيىدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتنى كەڭ دائىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، پاپا ۋە روھانىيلارنىڭ ئاچكۆزلۈكلىرى ۋە زالىملىقىنى دادىللىق بىلەن ئەيىبلىگەن. ئېنگېلس دانتېنى: «ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ كەنجى شائىرى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭى زاماننىڭ تۇنجى شائىرى» دەپ ئاتىغان. («ماركس-ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى»، ئۇيغۇرچە نەشرى، 1-توم 419بەت).

دانېلسون

  • دانېلسون[يەشمىسى:]Ηиколай Φранцевич Даниельсон، 1844 — 1918) روسىيىدىكى نارودنىك مۇتەپەككۇر. سىياسىي ئوبزورچى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا پېتربۇرگتىكى ئامانەت قەرز ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە بوغالتىر بولغان، كېيىن باش تەكشۈرگۈچى بولغان ھەمدە ياش ئىنقىلابىي زىيالىيلار گۇرۇپپىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغان. «كاپىتال» نى ئەڭ بۇرۇن رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ماركسىزمنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەي، ماركسىزم نەزەرىيىسىنى روسىيىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، كاپىتالىزمنىڭ روسىيىدە تەرەققىيات ئىستىقبالى يوق دەپ قارىغان. كوممۇنانىڭ يەرگە بولغان ئىگىدارچىلىقىنى ساقلاپ قېلىشنى، ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى ۋە قول سانائەت ئىگىلىكىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلغان. لېنىن ئۇنىڭ ئەكسىيەتچىل كۆزقارىشىنى كەسكىن تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ «دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھاتتىن كېيىنكى ئىجتىمائىي ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

دانېۋىركې

  • دانېۋىركې[يەشمىسى:] دانىيىچە Danevirke نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئەسلى مەنىسى: «دانىيىلىكلەرنىڭ مۇداپىئە قۇرۇلۇشى» دېگەنلىك بولۇپ، دانىيىنىڭ جەنۇبىي چېگرىسىغا ياسالغان. 1864-يىلغىچە بولغان مۇداپىئە قورغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئارخېئولوگىك قېزىشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قۇرۇلۇشلار باسقۇچلارغا بۆلۈنۈپ ياسالغان بولۇپ، قىسمەن يەردىكى قورغانلارنىڭ ياسالغان يىللىرىنى بېكىتىشكە بولغان. بۇنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈشكە بولىدۇ: (1) شىمالىي قورغان، ئاساسىي قورغان ۋە شەرقىي قورغان؛ (2) كوۋىركې(Kovrirke) قورغىنى؛ (3) يېرىم ياي شەكىللىك قورغان، ئالدىنقى قورغان ۋە تۇتاش قورغان (قوش قورغان ۋە يا شەكىللىك قورغاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). يېڭىچە ياغاچ ماتېرىياللىرى يىل ئىلمىنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە، شىمالىي قورغان ۋە ئاساسىي قورغاننىڭ بىرىنچى قىسمى مىلادى 737-يىلى ياسالغان، قوش قورغاننىڭ ئەڭ بۇرۇنقى بىر بۆلىكى مىلادى 968-يىلى ياسالغان. ئەدەبىي ئەسەرلەردە مەزكۇر مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى پادىشاھ گوۋورىد 808-يىلى پەرمان چۈشۈرۈپ ياساتقان دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن تېخىچە ئىسپاتلانمىغان.

دانى دۆلىتى

  • دانى دۆلىتى[يەشمىسى:] پاتتاخى، تەينى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مالاي يېرىم ئارىلىدىكى قەدىمكى دۆلەتنىڭ نامى. بۈگۈنكى تايلاندنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى پاتتانى (Pattani) رايونىغا جايلاشقان. دانى ئۇنىڭ ئۆلكە نامى. يېقىنقى كىشىلەرنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە، ئۇ ئەسلى لاڭياسيو دۆلىتىنىڭ كونا ئورنى ئىكەن. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۈججەت-ماتېرىياللىرىدا ئۇ كۆپ ھاللاردا بورنېئو (Borneo) دۆلىتى (ئۇنىڭ كونا ئورنى بۈگۈنكى كالىمانتاننىڭ شىمالىي قىسمىدا) بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن.

دانىسىگ كارىدورى

  • دانىسىگ كارىدورى[يەشمىسى:] «پولشا كارىدورى».

دانىشمەن پادىشاھ

  • دانىشمەن پادىشاھ[يەشمىسى:]؟ — 554) يەنى مۇقەددەس پادىشاھ. چاۋشيەن پېكچى (Пэкче) خانلىقىنىڭ پادىشاھى (523 — 554). ئىسمى مىڭنوڭ. ۋۇنىڭۋاڭنىڭ ئوغلى. مىلاى 538-يىلى پايتەختنى شيوڭجىن (ھازىرقى چوڭ-چوڭ نامدوگوڭجۇ) دىن سىبى (يەنە بىر ئىسمى سوفۇلى، ھازىرقى چوڭ-چوڭ نامدوفۇيۈ) غا يۆتكەپ، دۆلەت نامىنى جەنۇبىي فۇيۈ دەپ ئۆزگەرتكەن. جۇڭگونىڭ لياڭ سۇلالىسى بىلەن دوستانە بېرىش-كېلىش قىلغان. ياپونىيە بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، بۇددا دىنىنى تارقاتقان ھەمدە بەش نامە، تىبابەتچىلىك، پالچىلىق ۋە كالېندارچىلىق قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئۆلىمالىرىنى ياپونىيىگە ئەۋەتىپ، ياماتو ئوردىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، كوگۇريو بىلەن سىللا (Силла) نىڭ ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي سىللا بىلەن يېڭىباشتىن ياخشىلىشىپ، جەنۇبقا چۈشكەن كوگۇريوغا بىللە قارشى تۇرغان. 551-يىلى سىللا بىلەن بىرلىشىپ، كوگۇريودىن خەنجياڭ ۋادىسىنى قايتۇرۇۋالغان. لېكىن ئىككىنچى يىلى بۇ ۋادىنى سىللا تارتىۋالغان. 554-يىلى قوشۇن باشلاپ سىللاغا ھۇجۇم قىلغاندا بۆكتۈرمىگە ئۇچراپ ئۆلگەن. پېكچىلاردا خەنزۇلارنىڭ ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۆلگەندىن كېيىن ھۈرمەت نامى بىلەن ئاتاش مۇشۇنىڭدىن باشلانغان.

دانىشمەنلەر

  • دانىشمەنلەر[يەشمىسى:] يەنى «پاراسەتلىكلەر».

دانىشمەنلەر يىغىنى

  • دانىشمەنلەر يىغىنى[يەشمىسى:] مىلادى Ⅶ ئەسىردىن ⅩⅠ ئەسىرگىچە بولغان ئەنگلىيىدىكى ئانگل-ساكسونلار دەۋرىدىكى كورۇلنىڭ مەسلىھەت ئورگىنى. 829-يىلى سېسېسكس كورۇلى ئېكبېرت يەتتە بەگلىكنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن پۈتۈن ئەنگلىيە دانىشمەنلەر يىغىنىنى تەسىس قىلغان. يىغىنغا ئادەتتە ئەڭ نوپۇزلۇق دىنىي ۋە دەھرىي ئاقسۆڭەكلەر ھەم خان جەمەتى ئەزالىرى قاتناشقان. كورۇل يىغىننى قەرەلسىز چاقىرىپ تۇرغان، پەرمان ئېلان قىلىش، ئەمەلدارلارنى تەيىنلەش، يەر ھەدىيە قىلىپ بېرىش، ئۇرۇش ئېلان قىلىش، سۈلھ تۈزۈش ۋە باج-سېلىق يىغىش قاتارلىق مۇھىم دۆلەت ئىشلىرىدا يىغىننىڭ پىكرىنى ئاڭلىغان ھەمدە ماقۇللۇقىنى ئالغان. يىغىن كورۇلنى سايلاش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. نورمان ئىستېلاسىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالغان.

دانىلو

  • دانىلو[يەشمىسى:] Ⅰ(DaniloⅠ، تەخمىنەن 1670 — 1737) مونتېنېگرونىڭ ھاكىمىيەت بىلەن دىننى بىرلەشتۈرگەن ھۆكۈمرانى. نېگوشتا تۇغۇلغان. 1696-يىلى ھۆكۈمران بولغان. تەختتىكى مەزگىلدە ھاكىمىيەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مەركىزىي ھاكىمىيەتنى تۇراقلاشتۇرغان. 1702-يىلى روژدېستۋو بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق قىلىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى مۇسۇلمانلار («مونتېنېگرو كەچلىك ئىبادىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى تازىلىغان. 1715-يىلى روسىيىنى زىيارەت قىلىپ، چار پادىشاھ پېتر Ⅰ نىڭ مونتېنېگرونىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيىلىكلەر ئۈستىدىن كۆپ قېتىم غەلىبە قىلغان.

دانىلو Ⅱ نىڭ باياناتنامىسى

  • دانىلو Ⅱ نىڭ باياناتنامىسى[يەشمىسى:] 1856-يىلى مونتېنېگرو ھۆكۈمرانى دانىلوⅡ (DaniloⅡ، 1851 — 1860-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان ھۈججەت. قىرىم ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغان «پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى» ئىمزالانغاندا، تۈركىيە ھۈكۈمىتى مونتېنېگرونى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى دەپ جاكارلىغان. دانىلو Ⅱ تۈركىيىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن، كۈچلۈك دۆلەتلەرگە باياناتنامە ئوتتۇرىغا قويۇپ، 460 يىلدىن بۇيان مونتېنېگرو ھېچقانداق كۈچلۈك دۆلەتكە تەۋە بولغان ئەمەس، مونتېنېگرو خەلقى تۆت يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان تۈركىيىلىكلەرگە ئۈزۈلدۈرمەي قارشى تۇرۇپ كەلدى، دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە تۆۋەندىكىلەرنى تەلەپ قىلغان: (1) مونتېنېگرونىڭ مۇستەقىللىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىش؛ (2) چېگرىنى ئالبانىيە ۋە گېرتسېگوۋىنا تەرەپكە قارىتىپ كېڭەيتىپ بېرىش؛ (3) تۈركىيە بىلەن مونتېنېگرونىڭ چېگرىسىنى مۇۋاپىق بەلگىلەپ چىقىش؛ (4) بارنى مونتېنېگروغا قوشۇۋېلىپ، ئۇنى دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى قىلىش. تۈركىيە ھۆكۈمىتى مونتېنېگروغا بولغان مىتىروپولىيە ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھېسابىغا، ئۇنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىشىگە يول قويغان بولسىمۇ، لېكىن باياناتنامىدىكى تەلەپلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان.

دانىيە بېجى

  • دانىيە بېجى[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەنگلىيىنىڭ بىر خىل نەق پۇل بېجى. ئەنگلىيە كورۇلى ئېسىلرېد Ⅱ (Eethelred ياكى AthelredⅡ) تەختتە تۇرغان چاغدا (978 — 1016) دانىيە كورۇلى سىۋېين Ⅰ (Sweyn Ⅰ، 985 — 1014-يىللىرى تەختتە تۇرغان) قوشۇن تارتىپ ئەنگلىيىگە ھۇجۇم قىلغان. ئەنگلىيە كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولۇپ، دائىم خىراج تاپشۇرۇش بەدىلىگە ئەسكەرلىرىنى قايتۇرغان. مىلادى 991-يىلى ئۇلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى ۋە تالان-تاراج قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قەرەللىك خىراج تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن دانىيە بېجىنى يىغىشقا باشلىغان. ۋېين Ⅰ نىڭ ئوغلى كىنود ئەنگلىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مەزگىلدە، دانىيە بېجىنى دائىملىق باجغا ئۆزگەرتكەن (ھەربىي باج). 1051-يىلى ئەنگلىيە كورۇلى ئىدۋارد (توۋا قىلغۇچى) بۇنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. 1086-يىلى ۋېليام (بويسۇندۇرغۇچى) يەر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يەر رويخېتىنى تۈزۈپ چىققان ۋە دانىيە بېجى ئېلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇنى مال-مۈلۈك بېجى قىلىپ كىرگۈزگەن. 1163-يىلدىن كېيىن، دانىيە بېجى باج قوللانمىسىدا قايتا چېلىقمىغان، باشقا باج تۈرىنى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، فرانك پادىشاھلىقىمۇ دانىيە بېجى يىغقان. دانىيە بېجى ئېغىرچىلىقى ئاساسىي جەھەتتىن دېھقانلارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن.

دانىيە رايونى

  • دانىيە رايونى[يەشمىسى:] مىلادى Ⅸ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئىرلاندىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دانىيە بېسىۋالغان رايون. دانىيىلىكلەر بۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىنى يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئىنگلىزچىدە: Danelaw، قەدىمكى ئىنگلىزچىدە: Dena Lagu دەپ ئاتىلىدۇ، مەنىسى «دانىيە قانۇنى» دېگەنلىك، شۇڭلاشقا يەنە دانىيە قانۇنى رايونى دەپمۇ ئاتالغان. دانىيىلىكلەر (نورمانلىقلارنىڭ بىر بۆلىكى) Ⅷ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئىرلاندىيىگە ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى تالان-تاراج قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن تۇرمىغان. كېيىن تۈركۈملەپ كۆچۈپ كېلىپ، ئىرلاندىيىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدا كۆچمەنلەر رايونى قۇرغان ھەمدە داۋاملىق غەربىي جەنۇبقا ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان. 878-يىلى غەربىي سائېكىس كورۇلى ئالفرېد يىسىندەننى جېڭىدە دانىيىلىكلەرنى يېڭىپ، ئىككىنچى يىلى «ۋېدىمۇر سۈلھ كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپ ۋاتلىن چوڭ يولىدىن چېستىغىچە بىر چېگرا سىزىقى تارتىپ، چېگرا سىزىقىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىنى دانىيىلىكلەر ئىگىلەشكە كېلىشكەن. شۇنىڭ بىلەن دانىيە رايونى ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئەنگلىيە كورۇلى ئاسېلىستا تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (924 — 940) دانىيە رايونىنى قايتۇرۇۋالغان. شۇ يەردىكى دانىيىلىكلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئانگىلو-ساكسونلارغا سېڭىپ كەتكەن. دانىيىلىكلەرنىڭ دانىيە رايونىدا يولغا قويغان ئەدلىيە تۈزۈمى ئەنگلىيىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. ئىنگلىزچىدە قانۇن (law) دېگەن سۆز دانىيىچىدىن كەلگەن.

دانىيە ئۇرۇشى

  • دانىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] 1864-يىلدىكى پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ دانىيىگە قارشى ئۇرۇشى. 1863-يىل 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، دانىيە پادىشاھلىقى «نويابىر نىزامى» نى ئېلان قىلىپ، 1852-يىلدىكى لوندون كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا سچلېسۋىگ-ھولس-تېين ۋە لوئېنبىرگ (Louenberg) قاتارلىق جايلارنى دانىيىگە قوشۇۋېلىپ، يەرلىك گېرمان ئاھالىسىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. پرۇسسىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كۆپچىلىكى گېرمانلار دېگەننى باھانە قىلىپ، 1864-يىلى 1-ئايدا ئاۋسترىيە بىلەن بىرلىشىپ دانىيىگە ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، 48 سائەت ئىچىدە يېڭى نىزامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا دانىيىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچراپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش پارتلىغان. 4-ئاينىڭ 18-كۈنى دۈپپىل (Duppel) جېڭىدە دانىيە قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، ئەنگلىيىنى كېلىشتۈرۈپ قويۇشقا تەكلىپ قىلغان. 10-ئاينىڭ 30-كۈنى «ۋېنا سۈلھ كېلىشىمى» ئىمزالىنىپ، دانىيە سچلېسۋىگ-ھولستېين ۋە لوئېنبىرگقا بولغان بارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. بۇ بىسماركنىڭ خاندانلىق ئۇرۇشى ئارقىلىق گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولۇپ قالغان.

داھومېيە پادىشاھلىقى

  • داھومېيە پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] ⅩⅨ — ⅩⅦ ئەسىرلەردىكى غەربىي ئافرىقىدىكى فاڭ (Fang) لارنىڭ دۆلىتى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ⅩⅤ ئەسىرلەردە ئاجا (Aja) لار ئاللادا (Allada) دا پادىشاھلىق قۇرغان. كېيىن ھۆكۈمران جەمەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى نىزا سەۋەبىدىن ئاللادا، ئابومېي ۋە پورتو-نوۋوغا بۆلۈنۈپ كەتكەنىكەن. 1625-يىلى ئابومېينىڭ پادىشاھى داكو (Dako ياكى Dasko) مۇكەممەل مەمۇرىي تۈزۈم ئورنىتىپ، ئەتراپىدىكى جايلارنى بويسۇندۇرۇپ، داھومېيە پادىشاھلىقىنىڭ ئاساسىنى ئورناتقان. كېيىن پادىشاھلىقنىڭ زېمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن. 1738-يىلى يورۇبا (Yoruba) ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ، 1747-يىلى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، يورۇباغا قەرەللىك ھالدا ئولپان تاپشۇرىدىغان بولغان. 1818-يىلى بېقىندىلىق ئورنىدىن قۇتۇلغان. گلېلې (Glele) تەختتىكى مەزگىلدە (1858 — 1889)، پورتو-نوۋونى قوشۇۋېلىپ، پورتۇگالىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە گوللاندىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1868-ۋە 1878-يىللىرى فرانسىيە بىلەن ئىككى تەڭسىز شەرتنامە تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. 1890-يىلى فرانسىيە قوراللىق تاجاۋۇز قىلغاندا، بېخانزىننىڭ رەھبەرلىكىدە، داھومېيە خەلقى تۆت يىل جەڭ قىلغان. 1894-يىلى فرانسىيىنىڭ ھامىيلىقىغا چۈشۈپ قالغان.

دائۇن

  • دائۇن[يەشمىسى:]Leopold Von Daun، 1705 — 1766)، ئاۋسترىيىلىك مارشال. ئاۋسترىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى (1737 — 1739) غا قاتناشقان، ئاۋسترىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1748 — 1751-يىللاردا ۋېنا گارنىزون قوماندانى ۋە ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان چاغدا، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى ئىسلاھ قىلغان، 7 يىللىق ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە پرۇسسىيە ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. 1758-يىلى ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1759-يىلى كۈزدە دېرسىدېننى ئىشغال قىلىپ، پرۇسسىيە ئارمىيىسىنى ماكسۇندا تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلغان. ئەمما ھەرىكىتى ئاستا بولغانلىقتىن، 1760-يىلى 11-ئايدىكى تورگو جېڭىدە پرۇسسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1762-يىلى ئاۋسترىيە ئوردا ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان.

داۋ جاۋ(مىچىكادو)

  • داۋ جاۋ(مىچىكادو)[يەشمىسى:]629— 700)، ياپونىيە فاشياڭ مەزھىپىنىڭ دەسلەپكى بوۋىسى. چۇەن ليەن خۇيشىنىڭ ئوغلى. كاۋائۇچى (ھازىرقى خوككايدو) ۋىلايىتىدىن. مىلادى 653-يىلى (ياپونىيە بەيجى 4-يىلى،تاڭ سۇلالىسى يۇڭخۇينىڭ 4-يىلى) داۋيەن، دىڭخۇي قاتارلىقلار بىلەن بىللە تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچى جېشى چاڭدەنگە ھەمراھ بولۇپ جۇڭگوغا كەلگەن. چاڭئەندە شۈەنزاڭنى ئۇستاز تۇتقان. 660-يىلى (ياپونىيە تېننوسى چىمىڭنىڭ 6-يىلى، تاڭ سۇلالىسى شيەنچىڭنىڭ 5-يىلى) سارىرا، بۇددا نومى قاتارلىقلارنى ئېلىپ دۆلىتىگە قايتقان. فېينياۋ فاشىن ئىبادەتخانىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا سۇكۇناتخانا قۇرۇپ، ۋېيشى تەلىماتىنى سۆزلەپ، فاشياڭ مەزھىپىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. كېيىن ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە جايلارنى ئايلىنىپ، قۇدۇق قېزىش، كۆۋرۈك سېلىش، كېمە ياساش قاتارلىق ئىشلارنى يولغا قويغان. ئۆلىدىغان چېغىدا شاگىرتلىرىغا جەسىتىنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى ۋەسىيەت قىلىپ، ياپونىيىدە كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىشنى باشلاپ بەرگەن.

داۋجىڭ (دوچىن)

  • داۋجىڭ (دوچىن)[يەشمىسى:]؟ — 772)، ياپونىيىنىڭ نارا دەۋرىدىكى فاشياڭ مەزھىپى راھىبى. كاۋائۇچى (ھازىرقى خوككايدو) ۋىلايىتىنىڭ گۇڭشۈې دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا گېمۇشەن تېغىدا دۇئا-ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغان، تاغدىن چۈشكەندىن كېيىن تېۋىپلىق قىلىپ، شەرقىي چوڭ ئىبادەتخانىدا تۇرغان. مىلادى 761-يىلى ئايال شاھىنشاھ شياۋچيەننىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ، ئەتىۋارلاشقا ئېرىشىپ سىياسىي ساھەگە كىرگەن. 764-يىلى فۇجىۋارانا كامارونىڭ ئىسيانىنى تىنچىتىپ، تەيجېڭ ۋەزىر، فاۋاڭلىققا كۆتۈرۈلگەن. 769-يىلى يۈيزو ئىلاھىي ئوردىسىنىڭ ئىلاھىي پەرمانىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋالماقچى بولغاندا، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بىردەك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 770-يىلى تېننو چېڭدې ئۆلۈپ، فۇجىۋارا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلگەن.

داۋېس

  • داۋېس[يەشمىسى:]Charles Gafes Dawes، 1865 — 1951)، ئامېرىكىلىق مالىيەشۇناس. ئوخىئو شتاتى مارتا ئىنستىتۇتى ۋە سىنسىنناتى قانۇن ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1887 — 1894-يىللاردا لىنكىن شەھىرىدە ئادوۋكات بولغان. كېيىن گاز لامپىسى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئىككى شىركەتنىڭ باش جىڭلىسى بولغان. 1897-يىلى ھۆكۈمەتنىڭ پۇل تەپتىش ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن. چىكاگودا «ئىلىنوس شتاتىنىڭ مەركىزىي ھاۋالە شىركىتى» نى تەسىس قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرانسىيىگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋە پودپولكوۋنىكلىقتىن گېنېرال برىگادېرلىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1921-يىلى دۆلەت خامچوت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1924-يىلى گېرمانىيە مالىيە ۋە تۆلەم مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، ئىككىنچى يىلى «داۋېس پىلانى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ يىلى ئاۋستېن چېمبېرلىن بىلەن بىرلىكتە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1925 — 1929-يىللاردا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بولغان. 1929 — 1932-يىللاردا ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. 1930-يىلى لوندون دېڭىز ئارمىيە يىغىنىدىكى ئامېرىكا ۋەكىلى بولغان. 1932- يىلى گۈللىنىش پۇل مۇئامىلە شىركىتىنىڭ باش جىڭلىسى بولغان. كېيىن چىكاگودا «مىللىي بانكا ۋە ھاۋالە شىركىتى» نى قۇرۇپ، تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى بولغان.

داۋېس پىلانى

  • داۋېس پىلانى[يەشمىسى:] بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى غالىب دۆلەتلەرنىڭ گېرمانىيىنىڭ تۆلەم پۇلىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى پىلان. 1923-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدىكى بانكىر داۋېس باشچىلىقىدىكى خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى (فرانسىيە، بېلگىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا بەش دۆلەت ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان) گېرمانىيىگە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ تۆلەم مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان. 1924-يىلى 4-ئايدا تەكشۈرۈش دوكلاتىنى يېزىپ چىققان، بۇ دوكلات تارىختا «داۋېس پىلانى» دەپ ئاتالغان. بۇ پىلاندا گېرمانىيىنىڭ ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تۆلەم پۇلىنى تۆلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: گېرمانىيە بانكىسىنى ئانتانتانىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، گېرمانىيە پۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش؛ تۆلەم پۇلىنىڭ ئومۇمىي سانى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بېكىتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، گېرمانىيىنىڭ ھەر يىلى تۆلەيدىغان تۆلەم پۇلىنىڭ سوممىسىنى بېكىتىپ، بىرىنچى يىلى بىر مىليارد ئالتۇن مارك تۆلەش، يىلمۇيىل ئاشۇرۇپ، بەشىنچى يىلىغا بارغاندا ئۇنى 5.2 مىليارد ئالتۇن ماركقا يەتكۈزۈش؛ چېگرا بېجى، ۋاسىتىلىك باج، تۆمۈريول كىرىمى ۋە سانائەت بېجىنى تۆلەم پۇلىنى تۆلەشنىڭ ئەمەلىي كاپالىتى قىلىش؛ گېرمانىيىنىڭ پۇل تۈزۈمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئانتانتا ئالدى بىلەن گېرمانىيىگە 800 مىليون ئالتۇن مارك (200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) قەرز بېرىش، ئۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا 110 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، پىلاننى ھەر ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلغان. ئەمما كېيىن گېرمانىيە مالىيىسىنىڭ ۋەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، بۇ پىلاننى ئىجرا قىلىشقا ماجالى يوقلۇقىنى ئېيتقاندا، بۇ پىلاننىڭ ئورنىنى «يانگى پىلانى» ئالغان. 

داۋىد

  • داۋىد[يەشمىسى:]1)(Dawid ياكى David) ئىسرائىلىيە-يەھۇدىي پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن 069 - 0001 يىل ئىلگىرى). ئەسلى يەھۇدىي قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئىدى. ئۇ سائول (Saul) نىڭ ئىشىغا ۋارىسلىق قىلىپ، پىلىستىنلارنى يېڭىپ، شىمالدىكى ئىسرائىلىيىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، بىرلىككە كەلگەن ئىسرائىلىيە-يەھۇدىي پادىشاھلىقىنى قۇرغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىپ، دائىمىي ئارمىيە قۇرۇپ، ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قەبىلە (مۇئالار، ئاممىنىلار) گە قارشى جەڭ قىلغان؛ ئېروسالىم پايتەخت قىلىنىپ، سەلتەنەتلىك ئوردا، يەھۋا ئىبادەتخانىسى سېلىنىپ، مەملىكەت بويىچە دىنىي ئېتىقادنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. «تەۋرات» تا ئۇ پەلەستىنلىكلەرنى مەغلۇپ قىلغان باتۇر، ئىسرائىلىيە-يەھۇدىينى بىرلىككە كەلتۈرگەن دانىشمەن پادىشاھ دەپ تەسۋىرلەنگەن ھەمدە خۇداغا ئاتاپ مەدھىيە ناخشىسىنى توقۇيدىغان مۇزىكانت ۋە شائىر دەپ ماختالغان. (2) ياكۇيس لۇئىس داۋىد (Jacqueslouis David، 5281 - 8471). فرانسىيىلىك كلاسسىك رەسسام، سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپلا رەسىم سىزىشقا ئىشتىياق باغلىغان. ياش ۋاقتىدا ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرىدە «ئاكا-ئۇكا كىلاسلارنىڭ قەسىمى» دېگەنگە ئوخشاش تارىخىي قەھرىمانلار ئاساسىي تېما قىلىنغان. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدە خەلق پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ئامانلىق ساقلاش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مىللىي مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان، كورۇلغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھەققىدە ئاۋاز بەرگەن. 1793-يىلى رېئال تېمىدىكى مەشھۇر ئەسەر — «مالانىڭ ئۆلۈمى» نى سىزىپ چىققان. تومۇز ئايدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا قويۇپ بېرىلگەن ھەمدە خىزمەت ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1795-يىلدىكى چوپان ئاي قوزغىلىڭىدىن كېيىن يەنە قولغا ئېلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئارىلاشمايدىغان بولۇۋالغان. ناپولېئون ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ئوردا رەسسامى بولغان ۋە ناپولېئوننى مەدھىيىلەيدىغان «تاج كىيىش مۇراسىمى» ۋە «بايراق تەقدىم قىلىش مۇراسىمى» قاتارلىق رەسىملەرنى ئىجاد قىلغان. بۇربون خاندانلىقى قايتا تىرىلگەن مەزگىلدە كەچۈرۈمنى رەت قىلغانلىقتىن، برۇسسېلغا قېچىپ بېرىپ، يېڭى كلاسسىك ئىجادىيەت بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان.

داۋىد لاگېرى سۆھبىتى

  • داۋىد لاگېرى سۆھبىتى[يەشمىسى:] سوۋېت ئىتتىپاقى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى خرۇششېۋ بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئېزىنخائۇئېر داۋىد لاگېرى (David Camp، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ داچىسى) دا ئۆتكۈزگەن سۆھبەت. ئىككى تەرەپ گېرمانىيە مەسىلىسى، بېرلىن مەسىلىسى، ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش مەسىلىسى، يادرو قوراللىرى سىنىقىنى مەنئىي قىلىش مەسىلىسى ۋە سوۋېت-ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرغان ھەمدە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىگىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش ھەققىدە يەڭ ئىچىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. يىغىندىن كېيىن خرۇششېۋ «داۋىد داچىسى روھى» نى تەرغىپ قىلىپ، سوۋېت-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ جەھەتلەردە پۈتكۈل خەلقئارا ۋەزىيەتنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى كۆككە كۆتۈرگەن.

داۋىدوۋىچ

  • داۋىدوۋىچ[يەشمىسى:]Ljubomir Davidovic، 0491 - 3681) سېربىيە باش ۋەزىرى (4291 - 9191). بېلگراد ئالىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1901-يىلى 5-ئايدا مۇستەقىل رادىكاللار پارتىيسىىنى قۇرغان. 1904-يىلى مائارىپ ۋەزىرى بولغان. 1905-يىلى سېربىيە مىللىي پارلامېنتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 7191 - 4191، 1918 — 1919 -يىللىرى مائارىپ ۋەزىرى، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1919-يىلى دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرغان. 1929-يىلى 11-ئايدا مونارخىستلار قوزغىغان فاشىستىك سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرغان. 30-يىللاردا ئۆكتىچىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مەملىكەت ئىچىدە پارلامېنت تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. 

داۋىس

  • داۋىس[يەشمىسى:]1) جېففېرسۇن داۋىس Jefferson Davis، 9881 - 8081) ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى جەنۇب ئىتتىپاقىنىڭ زۇڭتۇڭى. دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. ئېكىنزارلىق خوجايىنى ئائىلىسىدىن. 1828-يىلى غەربىي پونكىت ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1832-يىلى بلاسك خاۋىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. -5381 5481-يىللىرى مىسسىسىپى شتاتىدا ئېكىنزارلىقنى باشقۇرغان. 1846-يىلى مېكسىكىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. 1861-يىلى 2-ئايدا جەنۇب ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان. جەنۇبىي قىسىمدىكى قۇلدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، جەنۇبنىڭ قوشما شتاتقا قارشى ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1865-يىل 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ ئەسىرگە چۈشكەن ۋە مىنرو قورۇقىغا سولاپ قويۇلغان. 1867-يىلى 5-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا جەنۇبتا ئولتۇرغان. «ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى بىلەن گۇمران بولۇشى» دېگەن ئەسىرىدە جەنۇبتىكى توپىلاڭنى ئاقلىغان. (2) ۋدېليام موررىس داۋىس (William Morris Davis، 4391 - 0581) ئامېرىكىنىڭ گېئومورفولوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى، سان-فرانسىسكۇدا تۇغۇلغان. 1869-يىلى خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 3781 - 0781-يىللىرى ئارگېنتىنا كوردوۋا رەسەتخانىسىدا ئىنژېنېر بولغان. 2191 - 7781-يىللىرى خارۋارد داشۆسىدە جۇغراپىيە ئوقۇتقان. شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئاۋسترالىيە، ئافرىقا قاتارلىق جايلارغا بارغان. بېرلىن داشۆسىدە گېئومورفولوگىيىدىن دەرس بەرگەن. 1911-يىلى ئامېرىكا گېئولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. ئاسترونومىيە ئوكيانشۇناسلىق ۋە ھاۋا رايى ئىلمىنى تەتقىق قىلغان. تۆرەلمىشۇناسلىق نۇقتىئىنەزەرى بىلەن يەر كۆرۈنۈشىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئۇنى چۈشەندۈرۈپ، «جۇغراپىيىلىك نۆۋەتلىشىش تەلىماتى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەرلەرنىڭ تۈرلۈك كۆرۈنۈشىنى دەريا ئۇپراتمىسى، دېڭىز ئۇپراتمىسى، كۆچمە مۇز، قۇرغاق قاتارلىق شەكىللەرگە بۆلگەن ھەمدە يەر كۆرۈنۈشىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىنى ياش، ئوتتۇرا ياش ۋە قېرىلىقتىن ئىبارەت ئۈچ دەۋرگە ئايرىغان. گېئومورفولوگىيىنىڭ تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. مارجان خادا تاشلىرىنىڭ كۆرۈنۈشى تەتقىقاتىغا تۆھپە قوشقان. «تەبىئىي جۇغراپىيە»، «مارجان خادا تاشلىرى مەسىلىسى» قاتارلىق ئاساسلىق ئەسەرلىرى بار.

داۋىنكى

  • داۋىنكى[يەشمىسى:]Leonardo da Vinci، 9151 — 2541) ئىتالىيىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى رەسسام، تەبىئىي پەن ئالىمى، ئىنژېنېرى ۋە پەيلاسوپى. فلورېنسىيە شەھىرى يېنىدىكى ۋىنكى دېگەن بازاردا دۆلەتمەن گۇۋاھچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدىلا فلورېنسىيە شەھىرىدىكى رەسسام ۋېروكى-ئو (Andrea Verrocchio، 8841 - 4341) نىڭ رەسىمخانىسىدا رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھەقىقىي سەنئەت ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن، ئوپتىكا، مېخانىكا، گېئولوگىيە، بىئولوگىيە، ئادەم ئاناتومىيىسى ۋە ماتېماتىكا قاتارلىق بىرمۇنچە پەننى كەڭ تەتقىق قىلغان ۋە بۇلارغا ئائىت رەسىملەرنى سىزىپ چىققان. يەنە بىناكارلىق سەنئىتىگە پىششىق بولۇپ، كۆپلىگەن ماشىنىلارنى، جۈملىدىن ئۇچۇش ئەسۋابىنى لايىھىلىگەن. رەسسام ۋە ئارخىتېكتور بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلگىرى-كېيىن مىلاندىكى سىفورزا جەمەتى، فلورېنسىيىدىكى مېدىكى جەمەتى، رىم پاپاسى ۋە فرانسىيە كورۇلىغا ياللانغان. كېيىن فرانسىيىدە قازا قىلغان. 7000 بەتتىن ئارتۇق قول يازما قالدۇرۇپ كەتكەن، «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق» ۋە «مونالىسا» ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلىرى بولۇپ، ئالدىنقىسى مىلاندىكى سان مارىيە ئىبادەتخانىسى سەدىقە تاماقخانىسى ئۈچۈن سىزىپ بەرگەن تام رەسىمى. ئۇنىڭدا ئەيسانىڭ خائىن يودا تەرىپىدىن سېتىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئىنجىلدىكى ھېكايە ماتېرىيال قىلىنغان. كېيىنكىسى فلورېنسىيىدىكى بىر چوكان ئۈچۈن سىزىلغان سۈرەت بولۇپ، ھازىر پارىژ شەھىرىدىكى لوففىل مۇزېيىدا ساقلانماقتا. بۇلاردىن باشقا يەنە «رەسىم نەزەرىيىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

داۋ يۇەن (دوگېن)

  • داۋ يۇەن (دوگېن)[يەشمىسى:] ياپونىيە كاماكۇرا شوگۇنلىقى مەزگىلىدىكى بۇددا دىنى ئۆڭكۈر مەزھىپىنىڭ بوۋىكالانى. كيوتودا تۇغۇلغان. ئىسمى مارى. دادىسى فۇجىۋاراز ساراي ۋەزىرى كۇگامىچى بولۇپ، ئانىسى فۇجىۋاراز قىزى. ئاتا-ئانىسى بالدۇرلا ئۆلۈپ كېتىپ، 13 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ يەنلى ئىبادەتخانىسىغا كىرگەن ۋە بۇددا قائىدىلىرىنى ئۆگەتكۈچى دەپ ئاتالغان. 1214-يىلى جيەنرېن ئىبادەتخانىسىدا رۇڭشى مەزھىپىگە كىرگەن ھەمدە ئۇنىڭ شاگىرتى مىڭچۇەندىن تەلىم ئېلىپ، لىنجى مەزھىپىنىڭ تامغىسىغا ئىگە بولغان. 1223-يىلى (ياپونىيە جىنيىڭنىڭ 2-يىلى، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى جيادىڭنىڭ 16-يىلى) مىڭچۇەن بىلەن بىللە جۇڭگوغا كېلىپ، جېجياڭنىڭ تيەنتوڭ تېغىدا ئۇستاز رۇجىڭنى زىيارەت قىلغان. 1227-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ، يۇيجژشىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا ۋەز-نەسىھەت قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان، ئاساسەن سۇكۇناتتا ئولتۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىش بىلەن بولغان. يەنلى ئىبادەتخانىسىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئېچىزىن (ھازىرقى فۇكۇي ناھىيىسى) گە كۆچۈپ بېرىپ، يۇڭپىڭ ئىبادەتخانىسىنى بىنا قىلغان. 1247-يىلى كاماكۇراغا بېرىپ ھاكىملىق قىلىۋاتقان كىتايوغا بۇددا قائىدىلىرىنى سۆزلىگەن. 1250-يىلى تېننو سۆسۈن تون تەقدىم قىلغان. ئۇنىڭ 95 توملۇق «ھەقىقەت ئەھكاملىرىدىن نەمۇنىلەر» دېگەن ئەسىرى ياپونىيە پەلسەپە تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. 

دايۇ

  • دايۇ[يەشمىسى:] ۋيېتنامنىڭ قەدىمكى دۆلەت نامى. خۇجىلى قۇرغان. ئۇ ئەسلى چېن ئوردىسى پادىشاھىنىڭ شىرەم تۇغقىنى ئىدى. 1400-يىلى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ پادىشاھ بولۇۋالغان. يىل نامىنى تيەنشېڭ، دۆلەت نامىنى دايۇ دەپ ئۆزگەرتكەن، چىڭخۇانى پايتەخت قىلغان. دايۇ 1407-يىلى جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.

دايى

  • دايى[يەشمىسى:] تۈركچە dey دېگەن سۆز بولۇپ، تاغا دېگەنلىك، كۆچمە مەنىدە چوڭلارغا بولغان ھۈرمەت نام. ئوسمان ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە تۇنىس (1594—1705) ۋە ئالجىرىيە (0381 - 1761) لەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى «دايى» نى ھۆكۈمراننىڭ نامى قىلىپ قوللانغان. 

دەرەخنىڭ يىل ھالقىسىغا قاراپ دەۋرلەرگە بۆلۈش

  • دەرەخنىڭ يىل ھالقىسىغا قاراپ دەۋرلەرگە بۆلۈش[يەشمىسى:] قەدىمكى ياغاچلاردىن پايدىلىنىپ قەدىمكى زاماندىكى خارابىلىقلارنىڭ دەۋرىنى بەلگىلەپ چىقىدىغان بىر خىل ئۇسۇل. بۇ ئۇسۇل كونىراق بولسىمۇ، لېكىن ئېنىقلىنىش دەرىجىسى بەك توغرا. دەرەخ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى سەۋەبىدىن دەرەخنىڭ كەسمە يۈزىدە ئارىلىقى زىچراق بولغان يىل ھالقىسى شەكىللىنىدۇ. ئوخشاش رايوندىكى دەرەخلەرنىڭ يىل ھالقىسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىر-بىرىگە ئوخشاپراق كېتىدۇ. كېسىلگەن ۋاقتى ئېنىق بولغان دەرەخنىڭ يىل ھالقىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كوردىناتلىق قەغەزگە ئەگرى سىزىق بويىچە چۈشۈرۈپ، ئاندىن شۇ بويىچە ئۆسكەن مەزگىلىدىكى قىسمەن گىرەلىشىپ كەتكەن دەرەخنىڭ يىل ھالقىسى ئەگرى سىزىقى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغاندا، يەنى ئۆلچەملىك بىر ئەگرى سىزىقنى سىزىپ چىققىلى بولىدۇ. قەدىمكى دەۋردىكى خارابىلىقلار ياكى قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان ياغاچلارنىڭ يىل ھالقىسى ئەگرى سىزىقى بىلەن ئۆلچەملىك ئەگرى سىزىقنى بىر-بىرىگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق دەرەخنىڭ كېسىلگەن يىلىنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ. شۇڭا، قەدىمكى خارابىلىقلارنىڭ نىسپىي يىلىنى ھۆكۈم قىلىپ چىقىرىشقا بولىدۇ. 

دەرىجىلىك نىكاھ تۈزۈمى

  • دەرىجىلىك نىكاھ تۈزۈمى[يەشمىسى:] ئاۋسترالىيىدىكى دەرىجىلىك نىكاھ تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ توپ نىكاھنىڭ بىر خىل ئىپتىدائىي شەكلى. تەخمىنەن ئۇرۇقداشلىق باسقۇچىدىن ئىلگىرى پەيدا بولغان، كېيىن ئۇرۇقداشلىق بىلەن قوشۇلۇپ، ئىككى جىنس مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بۇ تۈزۈم ئاددىي ئىككى دەرىجىلىك تۈزۈمدىن مۇرەككەپ سەككىز دەرىجىلىك تۈزۈمگە ئۆتۈشتىن ئىبارەت تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن. ئىككى دەرىجىلىك تۈزۈم ئاۋسترالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مانتېس-گامبىئېر رايونىدا ئولتۇراقلاشقان ئاۋسترالىيە نېگىرلىرىنىڭ ئارىسىدا تارقالغان بولۇپ، پۈتكۈل قەبىلە ئىككى دەرىجىگە بۆلۈنۈپ، دەرىجىنىڭ ئىچكى قىسمىدا نىكاھلىنىش قاتتىق مەنئى قىلىنغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر دەرىجىدىكى ھەربىر ئەركەك تۇغۇلغىنىدىن تارتىپلا يەنە بىر دەرىجىدىكى ھەر بىر ئايالنىڭ ئېرى ھېسابلانغان، ھالبۇكى ئايالمۇ تۇغۇلغىنىدىن تارتىپلا مۇئەييەن دەرىجىدىكى بارلىق ئەركەكلەرنىڭ خوتۇنى ھېسابلانغان، بالا ئانىنىڭ دەرىجىسىگە تەۋە بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئانا-بالا ئارىسىدا، ئانا تەرەپنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن ئاچا-سىڭىللىرى ئارىسىدا، ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئارىسىدا، ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئارىسىدا، ھەممىسى ئوخشاش بىر دەرىجىگە مەنسۇپ بولغانلىقتىن، نىكاھلىنىش ئستىنا قىلىنغان. ئەمما ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى بىلەن ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئايرىم-ئايرىم ئىككى دەرىجىگە مەنسۇپ بولغانلىقتىن، ئۆزئارا نىكاھلىنىشقا مۇمكىن بولغان. ئوخشاش سەۋەبكە ئاساسەن، ئاتا بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھلىنىش شەكىل جەھەتتە ئىستىسنا قىلىنمىسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئىستىسنا قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئىككى دەرىجىلىك تۈزۈم ئۇرۇقداشلىقنىڭ بىخىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، كېيىنچە ئاۋسترالىيە قىتئەسىنىڭ يەرلىك ئاھالىسىدىكى ئۇرۇقلار ئۆزئارا نىكاھلانمايدىغان نىكاھلىنىش دەرىجىلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. سەككىز دەرىجىلىك تۈزۈم ئاۋسترالىيىنىڭ نېۋسوئۇت ۋالېس شتاتى دارلىنگ ۋادىسىدىكى كامىلاروي قەبىلىسىدە تارقالغان بولۇپ، ئۇ يەردە كىشىلەر سەككىز نىكاھلىنىش دەرىجىسىگە بۆلۈنگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە تۆتى پۈتۈنلەي ئەركەكلەردىن، قالغان تۆتى پۈتۈنلەي ئاياللاردىن تەركىب تاپقان؛ ئالدىنقىسىنىڭ مەلۇم نىكاھلىنىش دەرىجىسىدىكىلەر پەقەت كېيىنكىسىنىڭ مەلۇم نىكاھلىنىش دەرىجىسىدىكىلەر بىلەنلا نىكاھلىنىشقا بولغان. ئۆزئارا نىكاھلىنىدىغان نىكاھلىنىش دەرىجىسىدىكىلەر يەنە چوقۇم ئوخشاش بولمىغان ئۇرۇقلارغا مەنسۇپ بولۇشى لازىم بولغان. مەلۇم بىر ئەركەكلەر نىكاھلىنىش دەرىجىسىگە مەنسۇپ بولغانلىكى ھەممە كىشىلەر ئۆزئارا ئاكا-ئۇكا بولغان؛ مەلۇم بىر ئاياللار نىكاھلىنىش دەرىجىسىگە مەنسۇپ بولغانلىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى، ئۆزئارا ئاچا-سىڭىل بولغان. ئۆزئارا نىكاھلىنىدىغان نىكاھلىنىش دەرىجىسىدىكىلەر بىر-بىرىنى گولېئېر (goleer، جۈپتۈم) دەپ ئاتىغان. ئۇرۇقداشلىق تەشكىلاتى نىكاھلىنىش دەرىجىسىنى ئۇرۇق ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ھەربىر ئۇرۇق ئەركەكلەر نىكاھلىنىش دەرىجىسىدىن ئىككىنى، ئاياللار نىكاھلىنىش دەرىجىسىدىنمۇ ئىككىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بالا ئانا تەرەپ ئۇرۇققا مەنسۇپ بولغان، ئەمما ئوخشاش ئۇرۇق ئىچىدە ئاتا-ئانىسىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولمىغان نىكاھلىنىش دەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن. نىكاھلىنىش دەرىجىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى، روشەنكى ئاكا-ئۇكىلار بىلەن ئاچا-سىڭىللار ئارىسىدىكى نىكاھلىنىشنى ئىستىسنا قىلىشتا كۆرۈلگەن، ھالبۇكى نىكاھلىنىش دەرىجىسىنىڭ بۆلۈنۈشى ۋە كۈنسايىن مۇرەككەپلىشىشى قان-قېرىنداشلار نىكاھلىنىش دائىرىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تارىيىش، تەقىپ قائىدىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىش يۈزلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. 

دەريانىڭ جەنۇبىدىكى جۇمھۇرىيەت

  • دەريانىڭ جەنۇبىدىكى جۇمھۇرىيەت[يەشمىسى:] يەنى «سىسپادانۇس جۇمھۇرىيىتى».

دەريانىڭ شىمالىدىكى جۇمھۇرىيەت

  • دەريانىڭ شىمالىدىكى جۇمھۇرىيەت[يەشمىسى:] يەنى «تروسىپادانۇس جۇمھۇرىيىتى».

دەمەشق پادىشاھلىقى

  • دەمەشق پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] قەدىمكى سۈرىيىنىڭ جەنۇبىدىكى قۇللۇق تۈزۈمدىكى مەملىكەت. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگى-رىكى Ⅹ ئەسىردە ئارامېئانلار (Arameans) تەرىپىدىن قۇرۇلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىردە ئۇنىڭ دائىرىسى بىر مەھەل پەلەستىننىڭ شىمالى ۋە ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ شەرقىي رايونىغىچە كېڭەيگەن. پايتەختى دەمەشق. ئۇ مىلادىدىن 732 يىل ئىلگىرى ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.

دەندەن دۆلىتى

  • دەندەن دۆلىتى[يەشمىسى:] مالايادىكى قەدىمكى دۆلەت. بەزىلەر مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى كېلانتاندا دېسە، بەزىلەر مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى دىن دىنگىستا دەيدۇ، بەزىلەر سىنگاپور ئەتراپىدا دەيدۇ. بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. مىلادى 530-يىلى (لياڭ جۇڭنىڭ داتۇڭ 2-يىلى) ۋە 535-يىلى (لياڭ ئوردىسىنىڭ داتۇڭ تۇنجى يىلى) جۇڭگوغا ئىككى قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. Ⅶ ئەسىردە دەندەننىڭ پادىشاھى شالى سېرىنگا جۇڭگوغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن دوستلۇق ئورناتقان.

دەۋرشۇناسلىق

  • دەۋرشۇناسلىق[يەشمىسى:] تارىخىي دەۋرلەرنى تەتقىق قىلىشنىڭ قائىدە ۋە ئۇسۇللىرى توغرىسىدىكى تەلىمات. تارىخشۇناسلىقنىڭ ياردەمچى پەنلىرىنىڭ بىرى. ئاساسىي ۋەزىپىسى: ئىلمىي ئۇسۇل قوللىنىپ، تارىخىي ۋەقە، تارىخىي تۈزۈم، تارىخىي شەخس، تارىخىي ھۈججەت قاتارلىقلارنىڭ يىل ۋە ۋاقىت تەرتىپىنى بېكىتىپ، ئۇلارنىڭ ۋاقىت جەھەتتىكى باغلىنىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. دەۋرنى بېكىتىشنىڭ ئۇسۇلى ئاسترونومىيە، قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان كالېندارلاردىكى خاتىرىلەر ۋە سانلارنى؛ تارىخىي خاتىرىلەردىكى مەلۇماتلارنى؛ ئارخېئولوگىيە، جۇغراپىيە، پولوئانتولوگىيە (Palaeontology)، تارىخ جۇغراپىيىسى قاتارلىقلاردىكى مۆلچەرلەرنى؛ ئەڭ يېڭى تەبىئىي پەننىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، ئالايلۇق، دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان كاربون ئارقىلىق دەۋرگە بۆلۈش ئۇسۇلى، تۇپراق ئانالىزى ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ بېكىتىشتىن ئىبارەت. تارىخىي دەۋرلەرنى كونكرېت بېكىتكەندە، دائىم يۇقىرىدىكى ئۇسۇللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

دجىلاس دېلوسى

  • دجىلاس دېلوسى[يەشمىسى:] يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ دجىلاسنى بىر تەرەپ قىلغان ۋەقە. 1954-يىلى 1-ئايدا يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-سانلىق (پەۋقۇلئاددە) ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلىپ، يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مىللىي پارلامېنتنىڭ باشلىقى مىلوۋان دجىلاس (Milovan Djilas، 1911—) ۋەكىللىكىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان، يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتىكى رولىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، كۆپ پارتىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش مەقسەت قىلىنغان تەلەپنى مۇھاكىمە قىلغان ۋە تەنقىد قىلغان ھەمدە ئۇنى مەركىزىي كومىتېتتىن قوغلاپ چىقىرىپ، بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلىغان. كېيىن يەنە ئۇنى يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىدىن قوغلاپ چىقارغان. شۇ يىلى 12-ئايدا دجىلاس چەت ئەلدە ئۆزىنىڭ يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىكىگە ھۇجۇم قىلغان كىتابچىسىنى نەشىر قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن بىر يېرىم يىل قاماق جازاسى بېرىلگەن. كېيىن يەنە چەت ئەلنىڭ گېزىت-ژۇرناللىرىدا يۇگوسلاۋىيىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلغانلىقى شۇنىڭدەك چەت ئەلدە ئۆزىنىڭ «يېڭى سىنىپ» ۋە «ستالىن بىلەن قىلغان سۆھبىتىم» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلدۇرۇپ دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم جازا بېرىلگەن. 1966-يىلى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن. 

دراپېر

  • دراپېر[يەشمىسى:]John William Draper، 2881 - 1181) ئامېرىكىلىق ئالىم، تارىخشۇناس. ئەنگلىيىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا لوندون داشۆسىدە ئوقۇغان. 1833-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەتكەن. پېنىسلۋانىيە داشۆسىدە مېدىتسىنا ئۆگەنگەن. 1836-يىلى تىببىي پەنلەر دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1838-يىلى نيۇ-يورك شەھەرلىك داشۆ (كېيىن نيۇ-يورك داشۆسى) نىڭ خىمىيە پروفېسسورى بولغان. 1850 — 1873-يىللىرى بۇ مەكتەپنىڭ قارىمىقىدىكى تىببىي شۆيۈەننىڭ مۇدىرى بولغان. رادىئاتسىيە ئېنېرگىيىسى ۋە فوتو خىمىيە جەھەتتىكى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. تارىخشۇناسلىق جەھەتتىمۇ مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن «ياۋروپانىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تەرەققىياتى تارىخى» بولۇپ، ئۇنىڭدا تارىخنى تەدرىجىي تەرەققىيات نۇقتىئىنەزەرى بىلەن چۈشەندۈرگەن. بۇ كىتاب ئون نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۈچ توملۇق «ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش تارىخى» دا لىنكولىن زۇڭتۇڭ باشچىلىقىدىكى فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىرلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ھەمدە جەنۇب بىلەن شىمال ئۇرۇشىنىڭ ئىجتىمائىي ئازادلىقتىن ئىبارەت ئىلغار ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. مۇندىن باشقا يەنە «دىن بىلەن پەن ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش تارىخى» قاتارلىقلار بار.

دراكما

  • دراكما[يەشمىسى:]drachma) قەدىمكى يۇناننىڭ كۈمۈش پۇل بىرلىكى. ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ئۇنىڭ كۈمۈش مىقدارى ئوخشاش بولمىغان. 

دراكو

  • دراكو[يەشمىسى:]Drakon ياكى Draco، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرى) قەدىمكى ئافىنالىق قانۇنشۇناس. تەخمىنەن مىلادىدىن 621 يىل ئىلگىرى ئادەت قانۇنىغا ئاساسەن ئافىنانىڭ تۇنجى قانۇنىنى تۈزگەن. قانۇندا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، قاتتىقلىقى بىلەن نام چىقارغان. قانۇندا، قەرز بەرگۈچىنىڭ قەرز قايتۇرۇش قۇربى يەتمىگەن قەرزدار ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تەۋەلىرىنى قۇل قىلىشىغا ياكى قۇل قاتارىدا سېتىشىغا يول قويۇلىدۇ؛ ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە، ھەتتا كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى ئوغرىلىغانلارغىمۇ ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. قەدىمكى يازغۇچى پروتاك ئۇنىڭ قانۇنىنى تەسۋىرلەپ: «بۇ قانۇن سىياھ بىلەن ئەمەس، قان بىلەن پۈتۈلگەن» (سولون تەرجىمىھالى) دەپ يازغانىدى. كېيىنكىلەر بۇ قاتتىق قانۇننى «دراكو قانۇنى» دەپ ئاتىغان. لېكىن ئۇ قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ماددىلار بويىچە جىنايەت بېكىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان، ئاقسۆڭەكلەر خالىغانچە بىر تەرەپ قىلمايدىغان بولغان. كېيىن دراكو قانۇنىنىڭ جىنايى ئىشلار قىسمى يەنىلا يولغا قويۇلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئابىدە (پارچە) ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالغان. 

دراكې

  • دراكې[يەشمىسى:]Francis Drake، تەخمىنەن 6951 — 0451) ئەنگلىيىلىك دېڭىزچى، مۇستەملىكىچى. 1567-يىلى خاۋكىنىس كېمە ئەترىتىگە قاتنىشىپ، قۇل سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ئىسپانىيىنىڭ كارايىپ دېڭىز رايونىدىكى مۇستەملىكىلىرىنى تالان-تاراج قىلغان. 1577-يىلى 12-ئايدا، بەش كېمىنى باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ پىلىموت پورتىدىن يولغا چىقىپ، ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ، 1578-يىلى 4-ئايدا جەنۇبىي ئامېرىكىغا يېتىپ بارغان. 8-ئايدا ماگېللان بوغۇزى ئارقىلىق تىنچ ئوكيانغا كىرگەن. ئاندىن ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى بويلاپ شىمالغا قاراپ يۈرۈش قىلغان، يول ئۈستىدە ئىسپانىيىنىڭ چىلىدىكى مۇستەملىكە پورتى ۋالپارائىسونى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان، ئىسپانىيىنىڭ كېمىلىرىنى توسۇپ بۇلىغان. شىمالىي ئامېرىكىنىڭ بويلىرى (شىمالدا شىمالىي كەڭلىك 84°) غا يېتىپ بارغاندىن كېيىن غەربكە قايرىلىپ مالۇككا تاقىم ئارىلى ئارقىلىق ئۈمىت تۇمشۇقىدىن ئۆتۈپ، 1580-يىلى 9-ئايدا پىلىموت پورتىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇ، ماگېللاندىن كېيىن يەر شارىنى ئىككىنچى قېتىم ئايلىنىپ چىقىشنى ئورۇندىغان. كورۇلىۋا ئېلىزابېت ئۇنىڭ دېڭىز قاراقچىلىق ھەرىكىتىنى مەبلەغ ۋە ئۈسكۈنە جەھەتتىن قوللىغان ھەمدە زاڭ بۆلۈشۈشكە قاتناشقان. 1588-يىلى ئەنگلىيىدە ئىسپانىيىنىڭ «تەڭداشسىز فلوتى»نى مەغلۇپ قىلغان دېڭىز ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە فلوتىنىڭ ئاساسىي قوماندانلىرىنىڭ بىرى بولغان. 

دراگونىزم

  • دراگونىزم[يەشمىسى:] خەلقئارا قانۇننىڭ بىر پرىنسىپى. 1902-يىلى ئارگېنتىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دراگو (Luis Maria Drago، 1291 - 9581) ئوتتۇرىغا قويغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. دراگو ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋېنېسۇئېلانى قورال كۈچى بىلەن ئۆز مۇھاجىرلىرىغا قەرز پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇرلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھەرقانداق ئەھۋالدا، ھەقدار دۆلەت قورال كۈچى ئىشلىتىش ياكى قەرزدار دۆلەتنىڭ زېمىنىنى قورال كۈچى بىلەن ئىشغال قىلىۋېلىش يولى بىلەن قەرز قىستاشقا بولمايدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. 1907-يىلى بۇ تەشەببۇس گائاگا يىغىنىنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىگە سۇنۇلغان. نەتىجىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى پورتېر (Horace Porter، 1291 — 7381) نىڭ تەكلىپى قوبۇل قىلىنغان. ئۇ دراگونىڭ تەشەببۇسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، كېسىم قىلىشنى، بىراق مەلۇم ئەھۋاللاردا قورال كۈچى بىلەن قەرزنى تۆلىتىشكە بولىدىغانلىقىنىمۇ چەتكە قاقماسلىقنى تەكىتلىگەن. 

دراگوۋىچ

  • دراگوۋىچ[يەشمىسى:]Radovan Dragovic، 1878 — 1905) سېربىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى، سېربىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى. سالاگىبۇ، گراتسلاردا ياغاچچىلىق قىلغان چاغدا نېمىس تىلىنى ئۆگەنگەن، ماركس ۋە ئېنگېلس ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان. 1900-يىلى سوتسىيالىستىك گېزىت چىقارغان. بېلگراد ئىشچىلار جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 5091 - 2091-يىللىرى سېربىيە سوتسىيال دېموكراتلارنىڭ ژۇرنىلى «ئىشچىلار خەۋەرلىرى» نىڭ مۇھەررىرى بولغان. 3091 — 2091-يىللىرى سېربىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرىدىغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. كومىتېت ئىچىدە ئىسكەررىچ ئاغمىچىلىق گۇرۇھىغا قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان. 1903-يىلى سېربىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى قۇرۇلغاندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان، كېيىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 

دراۋىدىئانلار

  • دراۋىدىئانلار[يەشمىسى:]Dravidians) قەدىمكى ھىندىستاننىڭ يەرلىك ئاھالىسى، ئارىيانلار كېلىشتىن بۇرۇن ھىندى دەرياسى ۋادىسىدا ئولتۇراقلاشقان. ئادەتتە، ئۇلار ھىندى دەرياسى ۋادىسىدىكى مەدەنىيەتنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى دەپ قارالماقتا. ئۇلارنىڭ ئىرقىي تەۋەلىكى مەسىلىسىدە ئالىملارنىڭ پىكرى بىردەك ئەمەس، بەزىلەر «ساپ ئوتتۇرا دېڭىز رايونى ئىرقى» غا تەۋە دەپ قارايدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئارىيانلار شىمالىي ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، بىر بۆلۈك دراۋىدىئانلار بارا-بارا بويسۇندۇرۇلغان ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنغان. يەنە بىر بۆلۈكى جەنۇبىي ھىندىستانغا كۆچۈپ كېتىپ، كېيىن كۆپىنچىسى تائىپە تۈزۈمىنىڭ تۆۋەن تەبىقىسىگە ئايلىنىپ قېلىپ، زۇلۇم ۋە كەمسىتىلىشكە ئۇچرىغان. بۈگۈنكى كۈندە جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقىدا يەنىلا دراۋىدىئانلارنىڭ كۆپلىگەن ئەۋلادلىرى بار.

درايزېر

  • درايزېر[يەشمىسى:]Theodore Herman Albert Dreiser، 5491 - 1781) ئامېرىكىلىق يازغۇچى. ئىندىئانا شتاتىدىكى گېرمانىيىلىك كۆچمەن ئائىلىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدە بالا ئىشچى بولغان، ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئۆگەنگەن. چىكاگودا شىركەتنىڭ پۇل يىغقۇچىسى بولغان. 5981 - 2981-يىللىرى مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1895-يىلدىن كېيىن نيۇ-يوركتا ئولتۇراقلىشىپ، يېزىقچىلىق ۋە ژۇرنال تەھرىرلىكى بىلەن شۇغۇللانغان. 1900-يىلى «سىڭلىم جارى» دېگەن ئەسەرنى ئېلان قىلىش بىلەن نامى چىققان. ئامېرىكا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئىشچىلار ھەرىكىتىگىمۇ قاتناشقان. 30-يىللاردىكى ئىقتىسادىي كرىزىس مەزگىلىدە كانچىلار ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ «خارران كانچىلىرىنىڭ سۆزى» نى يېزىپ چىققان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا فاشىستلارغا قارشى كۈرەشكە ئاكتىپ قاتناشقان. 1945-يىلى ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. ئۇنىڭ بالدۇرقى ئەسەرلىرى ناتۇرالىزملىق تۈس ئالغان. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابى ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە ۋە ئىجادىيىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن. 1927-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى سۆزلەر جانلىق، ساددا، روھىي ھالەت جەھەتتىكى تەھلىل جايىدا. ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن «ئامېرىكا پاجىئەسى»، «ئۈمىد» ترىلوگىيىسى،«پۇل مۇئامىلىشۇناس»، «گىگانت ئادەم»، «سىدوگا»، «قورغان»، «جىننى قىز»، «تالانت» قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ نۇرغۇن ھېكايىلەرنى يازغان. 

درويسېن

  • درويسېن[يەشمىسى:]Johann Gustav Droysen، 4881 - 8081) گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس. ياش ۋاقتىدا بېرلىن داشۆسىدە ئوقۇپ، گېگېلنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. كېيىن كىل داشۆسى، يېنا داشۆسى ۋە بېرلىن داشۆسىدە خىزمەت قىلغان. 1848-يىلى فرانكفورت مىللىي پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۆمۈر بويى پرۇسسىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا بېرىلگەن، پرۇسسىيە ئىلمىي ئېقىمىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، پرۇسسىيە شتاتىلا نېمىس مىللىتىنى قايتا گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالايدىغانلىقىنى تارىخىي جەھەتتىن ئىسپاتلاشقا تىرىشقان. «پرۇسسىيىنىڭ سىياسىي تارىخى» (جەمئىي 14 توم) ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا «ئىمپېراتور ئالېكساندرنىڭ تارىخى» ۋە «يۇنانلاشتۇرۇش دەۋرىنىڭ تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. «يۇنانلاشتۇرۇش» دېگەن سۆزنى ھەممىدىن ئاۋۋال قوللانغان. كېيىنكى كىشىلەر ئۇنى داۋاملىق ئىشلەتكەن.

درۇزې قوزغىلىڭى

  • درۇزې قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] يەنى «سۈرىيىنىڭ 1925-يىلدىكى قوزغىلىڭى».

درۇسۇ

  • درۇسۇ[يەشمىسى:]1)لىۋى درۇسۇ (Marcus Livius Drusus، مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 91) يەنى كىچىك درۇسۇ. قەدىمكى رىمدىكى سىياسىيون. ناتىق. مالىيە ئەمەلدارى، شەھەر باشقۇرغۇچى بولغان. مىلادىدىن 91 يىل ئىلگىرى ترىبون بولۇپ، ئىتالىيە (كامپانىيە) ۋە سىتسىلىيىدە مۇستەملىكە رايونى قۇرۇپ، تېخى تەقسىم قىلىنمىغان «ئومۇمىي يەر» لەرنى يەردىن ئايرىلغان پۇقرالارغا تەقسىم قىلىپ بېرىش؛ سىناتتا يەنە 300 نەپەر ئاقساقالنى كۆپەيتىپ، رىتسارلارنى تەيىنلەش؛ ئىتالىيىنىڭ ئىتتىپاقچىلىرىغا رىم پۇقرالىق ھوقۇقى بېرىشتىن ئىبارەت قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. قانۇن لايىھىسى سىنات ۋە مەنپەئەتدارلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ئۆز ئۆيىدە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن. ئىتالىيىلىكلەرنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىنى قانۇنىي يول بىلەن قولغا كەلتۈرۈش ئۈمىدى يوقىلىپ، رىمغا قوراللىق قارشىلىق قىلىپ ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (2) كلائۇدى درۇسۇ (Nero Claudius Drusus، مىلادىدىن ئىلگىرى 9 — 83) قەدىمكى رىمنىڭ گېنېرالى پادىشاھ تىبېرۇنىڭ ئىنىسى. ئانتونى (كېيىنكى «ئۈچ كاتتىباش» نىڭ بىرى) نىڭ قىزى ئانتونىيا (Antonia) نى ئالغان. ئاۋگوستنىڭ بۇيرۇقى بىلەن شىمالدىكى گېرمانلار رايونىغا قوشۇن تارتىپ بېسىپ كىرگەن. مىلادىدىن 15 يىل ئىلگىرى ئاكىسى تىبېرۇ بىلەن بىرلىشىپ رۇيتىيالىقلار ۋە ۋىندېلىسىيىلىكلەر (Vindelici) نى مەغلۇپ قىلىپ، چېگرىسىنى دۇناي دەرياسىغىچە كېڭەيتكەن. مىلادىدىن 13 يىل ئىلگىرى گاللىيىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. ئۇ سىكامبرى (Sicambir) لارنى قوغلاپ چىقارغان، شەرقتە رېين دەرياسىغىچە بارغان؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا رېين دەرياسىنى دېڭىز بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان «درۇسۇ قانىلى» نى ئاچقان. ئۇ يەنە ئوسپىتلار (Usipetes) نى بويسۇندۇرۇپ، ۋېزېر دەرياسىغىچە يېتىپ بارغان. مىلادىدىن 9 يىل ئىلگىرىكى كونسۇل بولغان. گېرمانلار ئارىسىدىكى سۇئېۋىلار، ماكېماننىلار، كېروسلار (Cherusci) غا قارشى داۋاملىق جەڭ قىلىپ، ئېلبا دەرياسىغىچە ئىلگىرىلەپ بارغان. غەلىبە بىلەن قايتقاندا ئاتتىن يىقىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن. سىنات ئۇنىڭ ھەربىي تۆھپىسىنى مۇكاپاتلاپ، «گېرمانىكۇ» (Germanicus) دەپ نام بەرگەن. 

درىنوۋ

  • درىنوۋ[يەشمىسى:]Марин Стеланович Дринов، 6091 — 8381) بۇلغارىيىلىك تارىخشۇناس. كىيېۋ چېركاۋ مەكتىپىدە ۋە موسكۋا داشۆسىدە ئوقۇغان. كېيىن پراگا، ۋېنا، پارىژ، جەنۋە، رىم قاتارلىق جايلاردىكى كۇتۇپخانا، ئارخىپخانا ۋە مۇزېيلاردا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1869-يىلى بۇلغارىيە پەن-مەدەنىيەت جەمئىيىتى (1911-يىلى بۇلغارىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن) نىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان. 6091 — 3781-يىللىرى خاركوۋ داشۆسىنىڭ پروفېسسورى (9781 — 8781-يىللاردا بۇلغارىيە مائارىپ ۋەزىرى) بولغان. «سلاۋىيان ئاخبارات لېكسىيىسى» گە رىياسەتچىلىك قىلىپ، بالقانلىق ۋە روسىيىلىكلەردىن نۇرغۇن سلاۋىيانشۇناس ئالىملارنى تەربىيىلەپ چىققان. 6091 — 0981-يىللىرى خاركوۋ تارىخ تىل-يېزىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1898-يىلدىن باشلاپ پېتربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. «بالقان يېرىم ئارىلىدىكى سلاۋىيانلار» ۋە «يۇگوسلاۋىيىلىكلەر بىلەن Ⅹ ئەسىردىكى ۋىزانتىيىلىكلەر» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. 

دزېرژىنىسك-ى

  • دزېرژىنىسك-ى[يەشمىسى:]Федикс Эдмундович Дзержинский، 1877— 1926) سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن بىرى. ۋېرنا ئۆلكىسى (ھازىرقى مىنىسكى ئوبلاستى) دە پولەك كىچىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1895-يىلى ۋېرنا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1903-يىلى پولشا-لىتۋا پادىشاھلىقى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى باش بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1905-يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە ۋارشاۋادا نامايىشقا رەھبەرلىك قىلغان. كېيىن روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ 4-قۇرۇلتىيى (1906) غا قاتنىشىپ، لېنىن بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن؛ 5-قۇرۇلتاي (1907) دا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سىرتتىن سايلانغان. ئالتە قېتىم قولغا ئېلىنغان، ئىككى قېتىم سۈرگۈن قىلىنغان، 11 يىل قاماققا ئېلىنغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. 1917-يىلى 7-ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، 10-ئايدا قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ پارتىيە باش شتابىغا سايلانغان، ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىدىن بىرى. ئىنقىلاب غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، پۈتۈن روسىيە ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاش كومىتېتى (چىكا) نىڭ رەئىسى بولۇپ، ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى قاتتىق جازالاپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قوغدىغان. 1921-يىلى قاتناش خەلق كومىسسارى بولغان. 1924-يىلى ئالىي خەلق ئىگىلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان ھەمدە ر ك پ (ب) مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا سايلانغان. كېيىن يۈرەك پارالىچى بىلەن موسكۋادا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى «دزېرژىنىسكى تاللانما ئەسەرلىرى» قىلىپ تۈزۈلگەن.

دوبروگېئانو گېرېيە

  • دوبروگېئانو گېرېيە[يەشمىسى:] C.Dobrogeanu Gherea 0291 - 5581 رۇمىنىيىلىك سوتسىيالىزم نەزەرىيىچىسى. روسىيىدە تۇغۇلغان. نارودنىكلار پارتىيىسى پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقتىن چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى ئۇنى تۇتۇش بۇيرۇقىنى چىقارغان. 1875-يىلى، ئۇ رۇمىنىيىگە كۆچۈپ كېلىپ، فېئوداللىق يەر مۈلۈكچىلىكىنى سۆكۈپ، دۆلەت تۈزۈمىنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بۇرژۇئا ئەركىن دېموكراتىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. 1886-يىلى «رۇمىنىيە سوتسىيالىزمچىلىرى نېمىنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ، ماركسىزمنى تارقىتىپ، سوتسىيالىستىك كروژۇكلارنىڭ سىياسىي پروگراممىسى ۋە ئىشچىلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. «زامانداشلار» ژۇرنىلىدا تەھرىرلىك قىلىپ، رۇس ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرغان. «كارل ماركس ۋە بىزنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىرىمىز»، «قۇللۇق تۈزۈمى ۋە سوتسىيالىزم» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 1910-يىلى «يېڭى يانچىلىق تۈزۈمى» نى ئېلان قىلىپ، بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى بۇرژۇئازىيىگە مەنسۇپ بولۇشى لازىم، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. 

دوبروليۇبوۋ

  • دوبروليۇبوۋ[يەشمىسى:]Николай Александрович Добролюбов،1836 1861) روسىيىلىك ئىنقىلابىي دېموكراتچى، ئەدەبىي تەنقىدچى، پەيلاسوپ. پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مەزگىلىدىن تارتىپلا شېئىر ۋە ھېكايە يېزىشنى باشلىغان. 1854-يىلى پېتربۇرگ مەركىزىي پېداگوك ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن، بىلنىسكى، چېرنىشېۋىسكى ۋە غەربىي ياۋروپا ئىنقىلابىي ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان، مەخپىي ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسىنى تەشكىللىگەن، كىچىك گېزىت چىقىرىپ چار پادىشاھنىڭ زوراۋانلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراشنى تىكلىگەن. 1857-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن «دەۋر كىشىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ژۇرنالنىڭ تەنقىد ستونى بىلەن قوشۇمچە سانى — «پۈشتەك» نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. 1860 — 1861-يىللىرى ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، چەت ئەلگە بېرىپ داۋالىنىش مەزگىلىدە، بۇ ژۇرنالغا داۋاملىق ماقالە يېزىپ ئەۋەتىپ تۇرغان. يازغان ئىلمىي ماقالىلىرى بىلەن تەقرىزلىرىدە دېھقانلار ئىنقىلابىي ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، يانچىلىق تۈزۈمى — روسىيە قالاقلىقىنىڭ مەنبەسى، ئەمگەكچى خەلقنىڭ پارازىتلارغا قارشى كۈرىشى — جەمئىيەت تارىخىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى دەپ قارىغان. ئىجتىمائىي تۈزۈمنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، دېھقانلارنىڭ قوزغىلاڭ قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئېستېتىكا جەھەتتە، سەنئەت ئىجادىيىتى — ئوبيېكتىپ رېئالىقنىڭ كىشىلەر ئېڭىدىكى ئىنكاسى، سەنئەتچىلەر مۇتەپەككۇر بولۇشى، ئەمگەكچى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك، دەپ قاراپ، «نوقۇل سەنئەت» نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغان. پەلسەپە جەھەتتە ماددىنىڭ بىرلەمچىلىكى ۋە دۇنيانى بىلگىلى بولىدۇ دەيدىغان نۇقتىئىنەزەردە چىڭ تۇرغان. ئاساسلىق ئىلمىي ماقالىلىرىدىن: «روسىيە ئەدەبىيات تەرەققىياتىدا خەلقچىللىقنىڭ سىڭىپ كىرىش دەرىجىسى ھەققىدە»، «ئوبلۇمۇۋ روھى دېگەن نېمە؟»، «زۇلمەتلىك پادىشاھلىق»، «زۇلمەتلىك پادىشاھلىقتىكى ئازراق يورۇقلۇق»، «دەپسەندە قىلىنغان كىشىلەر»، «ھەقىقىي يورۇق كۈنلەر قاچان يېتىپ كېلىدۇ؟» قاتارلىقلار بار.

دوپىن

  • دوپىن[يەشمىسى:]Dauphin) فرانسىيى- لىك ۋەلىئەھدنىڭ نامى. فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅵ (Philippe Ⅵ، 0531 - 8231-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) 1349-يىلى تەسىس قىلغان، 1830-يىلىغا كەلگەندە بىكار قىلىنغان.

دوپىنې

  • دوپىنې[يەشمىسى:]Dauphine) فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تارىخىي رايون. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇرگۇندلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، كېيىن فرانك پادىشاھلىقىغا كىرگۈزۈلگەن. چارلېس ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، 843-يىلى ئىمزالانغان «ۋېردېن شەرتنامىسى» گە ئاساسەن، ئوتتۇرا پادىشاھلىققا ئايرىپ بېرىلگەن، Ⅸ ئەسىردە تۆۋەن بۇرگۇند پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان («بۇرگۇند» كە قارالسۇن). Ⅺ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىگە قاراشلىق بولغان. 1349-يىلى فرانسىيىگە قوشۇۋېتىلىپ، ۋەلىئەھدنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى قىلىنغان؛ ۋەلىئەھدنىڭ «دوپىن» دېگەن نامى بولغانلىقتىن، بۇ يەر «دوپىنې» دەپ ئاتالغان.

دوختۇرخانا رىتسارلار پولكى

  • دوختۇرخانا رىتسارلار پولكى[يەشمىسى:] يوھان رىتسارلار پولكى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. بىرىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپ قوشۇنى شەرققە تاجاۋۇز قىلغان (1096 — 1099) دىن كېيىن، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئەھلىسەلىپ قوشۇنى دۆلەتلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، ⅩⅡ ئەسىرنىڭ بېشىدا ئېرۇسالىمدا قۇرۇلغان دىنىي خاراكتېردىكى فېئودال ھەربىي تەشكىلات. بۇ نام ئېرۇسالىمدىكى سانت يوھان دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن. ئاساسەن ئىتالىيە رىتسارلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئېرۇسالىم پادىشاھلىقىنىڭ ئاساسلىق ھەربىي كۈچى بولۇپ قالغان. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، رىتسارلار پولكى شەرقىي ۋە غەربىي ياۋروپادا زور مىقداردىكى يەر-مۈلۈككە ئىگە بولغان. ئەھلىسەلىپ قوشۇنىنىڭ شەرققە قىلغان تاجاۋۇزى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 1291-يىلى سىپرۇس ئارىلىغا كۆچۈپ كەلگەن. 1310-يىلى رود ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، تاكى 1522-يىلغىچە بېسىپ ياتقان. 1530-يىلدىن باشلاپ، مالتا ئارىلىغا كېلىپ، ئۇزاق ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، شۇ سەۋەبتىن مالتا رىتسارلار پولكى دەپمۇ ئاتالغان.

دورىئانلار

  • دورىئانلار[يەشمىسى:]Dories ياكى Dorians) دورىسلار ياكى دورىيالىقلار دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. قەدىمكى يۇنان ئاھالىلىرىنىڭ بىر خىلى. ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسى يۇنان تىلى تۈركۈمىگە كىرىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رىۋايەتتىكى دوروس (Doros) نىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئەسلى ئوتتۇرا يۇناننىڭ دوروس (Doris) رايونىدا ئولتۇراقلاشقانىكەن. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅡ ئەسىردىن ⅩⅠ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا زور تۈركۈملەپ جەنۇبقا كۆچۈپ، پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىغا كىرىپ، يەرلىك ئاكاييالىقلارنى ئارقا-ئارقىدىن بويسۇندۇرۇپ ۋە قوغلاپ چىقىرىپ، مەزكۇر رايوندا ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئىگە مىللەتكە ئايلانغان. مۇستەملىكىلىرىنى كېڭەيتىش داۋامىدا، يەنە سىرتقا قاراپ كېڭىيىپ، كرىت، رودوس، كوركىرى ئاراللىرى ھەمدە سىتسىلىيە ئارىلى ۋە ئىتالىيىنىڭ جەنۇبى (چوڭ يۇنان) دا بىرمۇنچە مۇستەملىكە شەھەرلىرىنى قۇرغان. پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان دورىئانلار سپارتا، كورىنىف، ئارگوس قاتارلىق مەشھۇر يۇنان شەھەرلىرىنى قۇرۇپ چىققان.

دوستلۇق جەمئىيىتى

  • دوستلۇق جەمئىيىتى[يەشمىسى:] كونگو (بىراززاۋىل) دىكى سىياسىي تەشكىلات. ماتسۇئا 1926-يىلى فرانسىيىدە قۇرغان. دەسلەپ «فرانسىيىگە قارام ئېكۋاتور ئافرىقىلىقلىرىنىڭ ئەخلاقىي سەۋىيىسىنى ۋە بىلىم سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش» نى ئاساسىي مەقسەت قىلغان. فرانسىيىدىكى مۇھاجىرلار بەس-بەس بىلەن قاتناشقان. 1928-يىلى «يەرلىك خەلقلەر قائىدە-نىزامى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ئافرىقىلىقلارنى فرانسىيە گراژدانلىق ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كېيىنكى يىلى دۆلەت ئىچىگە ۋەكىل ئەۋەتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 1930-يىلى مۇستەملىكىچى دائىرىلەرنىڭ ماتسۇئاغا ھۆكۈم كەسكەنلىكىگە نارازىلىق قىلىپ، نامايىش ۋە ئىش تاشلاشلارنى ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە ھەربىي ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. 1939-يىلى مۇستەملىكىچى دائىرىلەر تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن. ماتسۇئا ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزگىرىپ ئۆز ئالدىغا دىنىي قائىدىلىرى، دىنىي ئەقىدىسى، مۇراسىملىرى ۋە دىن تارقاتقۇچىلىرى بولغان دىنىي تەشكىلاتقا ئايلىنىپ، بارغانسېرى سىياسىي كۈرەشتىن چەتنەپ كەتكەن. 

دوستلۇق ئۇيۇشمىسى

  • دوستلۇق ئۇيۇشمىسى[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى. 1912-يىلى قۇرۇلغان. ئۇيۇشما رەئىسى سۇزۇكى يائوسامۇ ئورگان گېزىتى «دوستلۇق يېڭى گېزىتى»، يېڭى قۇرۇلغاندا ئاران 15 نەپەر ئىشچى قاتناشقان بولۇپ، ئىشچىلار ھەمكارلىق تەشكىلاتى تۈسى قويۇق ئىدى. 1918-يىلدا ئۇيۇشما ئەزالىرى كۆپىيىپ 30 مىڭ ئادەمگە، ياچېيكىلىرى 120 گە يەتكەن. ئىچكى قىسىمدىكى سول قانات كۈچلەرنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە ئەسلىدىكى ئىشچىلار بىلەن كاپىتالىستلارنىڭ ھەمكارلىق فاڭجېنىمۇ ئۆزگەرگەن. 1919-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 7 يىللىقنى تەبرىكلەش يىغىنىدا «بۈيۈك ياپونىيە ئەمگەك باش بىرلەشمىسى دوستلۇق ئۇيۇشمىسى» غا ئۆزگەرتىلگەن. 1921-يىلى يەنە «ياپونىيە ئەمگەك باش بىرلەشمىسى» گە ئۆزگەرتىلگەن.

دوستويېۋىسكىي

  • دوستويېۋىسكىي[يەشمىسى:]фёдор Михайлович Достоевский، 1821 — 1881) روسىيىلىك يازغۇچى. موسكۋادا بىر دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ھەربىي قۇرۇلۇش مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1844-يىلى ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ كەسپىي يازغۇچى بولغان. 1846-يىلى «نامراتلار» دېگەن پوۋېستنى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن. 1849-يىلى فېئودال يانچىلىق تۈزۈمىگە قارشى پېتراشېۋىسكىي (М.В.Петрашевский،1821—1866 ) كۇرژوكىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. كېيىن ھۆكۈم تۆت يىللىق ئەمگەك جازاسىغا ئۆزگەرتىلىپ، سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان. سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن ئىنقىلابىي ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، دىندىن چىقىش يولى ئىزدىمەكچى بولغان. 1861-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «خورلانغانلار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار»، «جەھەننەم خاتىرىسى»، «جىنايەت ۋە جازا»، «ھاماقەت» دېگەن رومانلارنى يېزىپ، چار پادىشاھ مۇستەبىت تۈزۈمىنىڭ خىلمۇخىل جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان، لېكىن پاسسىپ ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى بىلەن تولغان. 1873-يىلى «ئىبلىس» دېگەن رومانىنى يازغان. 1880-يىلى ئاخىرقى ئەسىرى «ئاكا-ئۇكا كارامازوۋلار» نى يېزىپ، «روھنى پاكىزلەپ، تەقدىرگە ئىتائەت قىلىش» دېگەن ئىدېئالىزملىق سەپسەتىنى تەرغىپ قىلغان.

دوڭسۇن مەدەنىيىتى

  • دوڭسۇن مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] ۋيېتنامنىڭ مىس قورال دەۋرى ۋە دەسلەپكى تۆمۈر قورال دەۋرى مەدەنىيىتى. 1924-يىلى ۋيېتنامنىڭ چىڭخۇا ئۆلكىسى دوڭسۇن ناھىيىسىنىڭ دوڭسۇن (Dong Son) كەنتىدىن بايقالغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. مىس قورال ياساش تېخنىكىسى تەرەققىي تاپقان، جابدۇق-سايمان، ئۇرۇش قوراللىرى، زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بار. تىپىك يادىكارلىقتىن مىس دۇمباق بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق تۈزۈلۈشى يۈزلىكى كىچىك، تېگى يوغان، قورساق قىسمى پولتىيىپ چىققان، قورساق قىسمى، بەل، ئاياغ قىسمىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكنىڭ ئايرىمىسى ئوچۇق. ساپال بۇيۇملارنىڭ كۆپ قىسمىغا سىزىقچە ۋە تورلىما نەقىش چۈشۈرۈلگەن. سىلىقلانغان تاش قوراللار يەنىلا ساقلانغان. يەنە جۇڭگو خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى برونزا ئەينەك بىلەن برونزا يارماقمۇ تېپىلغان. يىل دەۋرى تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىن Ⅰ ئەسىرگىچە. 

دولكىنو قوزغىلىڭى

  • دولكىنو قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] 7031—4103-يىللىرى شىمالىي ئىتالىيە دېھقانلىرىنىڭ فېئوداللىققا قارشى قوزغىلىڭى بولۇپ، رەھبەرلىك قىلغۇچى ئەۋلىيا قېرىنداشلار مەزھىپىگە ئاساس سالغۇچى سېگارېلنىڭ مۇرىتى دولكىنو (7031 — ? Dolcino). ⅩⅢ ئەسىردىن ⅩⅣ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە شىمالىي ئىتالىيىدىكى پېمونتې، مونفىرراتو Monferrato ۋە ساۋوييە قاتارلىق جايلاردا يانچىلىق تۈزۈمى بۇرۇنقىدەكلا ئەۋج ئالغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە تاۋار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، شەھەرلەردىكى باي ئاھالىلەرمۇ دېھقانلارغا بولغان ئېكسپىلاتاتسىيىنى كۈچەيتكەن. 1304-يىلى پېمونتىنىڭ ۋېرسېل (Vercelli) رايونىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن، بۇ قوزغىلاڭغا نەچچە مىڭ كىشى، جۈملىدىن دولكىنونىڭ ئايال دوستى مارگارېت باشچىلىقىدىكى ئاياللار قوشۇنىمۇ قاتناشقان. قوزغىلاڭچىلار ھەممىلا يەردە موناستىر ۋە فېئوداللارنىڭ قورۇقلىرىنى ۋەيران قىلىپ، مال -مۈلۈككە ئومۇم ئىگىدارچىلىق قىلىش ئاساسىدىكى دېھقانلار جامائەلىرىنى قۇرماقچى بولغان. 1305-يىلى پاپا كلىمېنت Ⅴ ئەھلىسەلىپنى قوزغاپ، قوزغىلاڭچىلارغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلغان. دولكىنو قوشۇنىنى باشلاپ ۋېرسېل بىلەن ساۋوييە چېگرىسىدىكى تاغلىق رايونغا چېكىنىپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. 1307-يىلى 3-ئايدا قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولۇپ، دولكىنو بىلەن مارگارېت ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 

دوللار دىپلوماتىيىسى

  • دوللار دىپلوماتىيىسى[يەشمىسى:] ⅩⅩ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئامېرىكا يولغا قويغان دىپلوماتىيە سىياسىتى. 1909-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تافت ئامېرىكىنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىگە ئامېرىكا سودىگەرلىرىنىڭ چەت ئەلدە پۇل قەرز بېرىش ئارقىلىق پايدا ئېلىشىغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە شارائىت يارىتىپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. 1912-يىلى 12-ئايدا تافت ۋەزىپىسىدىن قېپقېلىشتىن ئىلگىرىكى دۆلەت ئەھۋالى بايان قىلىنغان دوكلاتىدا تېخىمۇ ئېنىق ھالدا بۇ سىياسەتنى «دوللارنى مىلتىق ئورنىغا دەسسىتىش» ئارقىلىق چەت ئەلدىكى كارخانىلارنىڭ مەنپەئەتىگە يار-يۆلەكتە بولۇش ھەمدە ئامېرىكا سودىسىنى يۈكسەلدۈرۈش، دەپ ئاتىغان. زۇڭتۇڭ ۋىلسون مەزگىللىرى بۇ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئىزچىل ھالدا داۋاملاشتۇرغان، شۇنداقلا «كالتەك سىياسىتى» بىلەن نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەن. مەسىلەن: ھايتى ۋە دومىنىكاغا ھەربىي ئىشغالىيەت يۈرگۈزگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە پائالىيىتىدە دائىم دوللار بىلەن ئەمەلىي كۈچ ئاساس قىلىنغان. 1934-يىلى قوشىنىدارچىلىق سىياسەت تەشەببۇس قىلىنغاندىن كېيىنلا دوللار دىپلوماتىيىسىدە سەل ئۆزگىرىش بولغان.

دوللفۇسىس

  • دوللفۇسىس[يەشمىسى:]Engelbert Dollfuss، 4391 — 2981) ئاۋسترىيە زۇڭلىسى (4391 — 2391). خرىستىئان سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقى. دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ۋېنا ۋە بېرلىندا قانۇن ئۆگەنگەن. 2391 — 1391-يىللىرى دېھقانچىلىق مىنىستىرى بولغان. 1932-يىلدىن تارتىپ زۇڭلى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ئىككىنچى يىلى پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، ئۆكتىچى پارتىيىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، فاشىستىك ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. 1934-يىلى ئاۋسترىيە ئىشچىلىرى ۋە شۇزبۇندلىرىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. گېرمانىيىنىڭ ئاۋسترىيىنى يۇتۇۋېلىشىغا قارشى تۇرغانلىقتىن، شۇ يىلى 7-ئايدا، گېرمانىيە قوللىغان ئاۋسترىيە ناتسىستلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 

دومبىروۋىسكى

  • دومبىروۋىسكى[يەشمىسى:]Jaroslaw Dombrowski، 1781 — 6381) پولشالىق ئىنقىلابچى. 1871-يىلىدىكى فرانسىيە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، كېلىپ چىقىشى ئاقسۆڭەك، پېتربۇرگ باش شتاب ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. ھەربىي سەپكە قاتناشقاندىن كېيىن، پولشا خەلقىنىڭ چارروسىيىنىڭ ئىستىبداتلىق ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرىشىگە ئىشتىراك قىلىپ، كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان، ئېغىر ئەمگەكتە 15 يىل ئىشلىتىش ھۆكۈم قىلىنغان. كېيىن، بلانكىچىلار ۋە بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئەزالىرى بىلەن تونۇشقان. پولشا مۇھاجىرلىرى ئارىسىدىكى دېموكراتلارغا يېتەكچىلىك قىلغان. 1870-يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن، مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىگە قاتناشقان ھەمدە مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى بولغان. 1871-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى پارىژ ئىشچىلار قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كوممۇنىنىڭ 11-پولكىنىڭ قوماندانى، پارىژ مۇداپىئە رايونى قوماندانى، تاشقى لىنىيە مۇداپىئەسى بىرىنچى ھەربىي رايون (غەربىي لىنىيە) نىڭ قوماندانى ۋە كوممۇنا قوراللىق قىسمىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، ۋېرسال ئارمىيىسى بىلەن قەھرىمانلارچە قانلىق جەڭ قىلغان. 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى كوچا ئۇرۇشىدا ئېغىر يارىلىنىپ، قۇربان بولغان. 

دومىتىئان

  • دومىتىئان[يەشمىسى:]Titus Flavius Domitianus، مىلادى 69 — 15) قەدىمكى رىم پادىشاھى (69 — 18). ۋېسپاسئاننىڭ ئوغلى. قېرىندىشى تىتۇس ئۆلگەندىن كېيىن تەختكە چىققان. تەرسا ھەم گۇمانخور. ئۇ سېناتنى بېسىپ، ئۆزىنى «خۇدادىن ئۈستۈن» (dominus) دەپ ئاتىۋالغان. رىمنىڭ گراژدانلىق ھوقۇقىنى پۈتۈن ئىسپانىيىگىچە كېڭەيتىپ، بىرقانچە مەمۇرىي ئۆلكە شەھەرلىرىگە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرگەن، مالىيە كىرىمىنى كۈچىنىڭ بارىچە كۆپەيتكەن. سىرتقا قارىتا برىتانىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا قوشۇن تارتقان، يەنە قوشۇننى باشلاپ رېين دەرياسى رايونىدىكى كاتتىلار (Chatti، گېرمانلارغا تەۋە) بىلەن جەڭ قىلىپ (83)، غەلىبە قىلغان. 09 — 68-يىللىرى ئەسكەر ئەۋەتىپ داكىيە رايونى (ھازىرقى رۇمىنىيە ئەتراپلىرى) غا تاجاۋۇز قىلغاندا، داكىيىلىكلەرنىڭ يولباشچىسى دېكېبالوس (Decebalus) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان؛ دومىتىئان باشچىلىق قىلغان ياردەمچى قوشۇنمۇ مەغلۇپ بولۇپ، ھاقارەت خاراكتېردىكى سۈلھ شەرتنامىنى تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. ھەرقايسى جەھەتلەردە قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغان، يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان خرىستىئانلارمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ھەممىنى ئۆزىدىن بىزار قىلغان، ئوردا مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئوفىتسېرلىرى بىلەن ئوردىدىكى مۇھىم ئەمەلدار سۇيىقەستچىلەر گۇرۇھى تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان، خانىكە دومىتىيا (Domitia) مۇ قاتناشقان. بىر سۇيى- قەستتە ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. 

دومىنكو

  • دومىنكو[يەشمىسى:]Domingo de Guzman، تەخمىنەن 1221 — 0711) «دومىنىكا» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. دومىنكو جەمئىيىتىنى قۇرغۇچى. ئىسپانىيىلىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئىسپانىيىنىڭ بۇرگوس (Burgos) دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ۋالىنسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1196-يىلى ئوسما موناستىرىغا كىرگەن. 1204-يىلى فرانسىيىنىڭ جەنۇبىغا بېرىپ، ئالبى گۇرۇھى ھەرىكىتىنى باستۇرغان. 1215-يىلى تۇلۇزا (Toulouse، فرانسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا) دا موناستىر قۇرۇپ، دومىنكو جەمئىيىتىگە ئاساس سالغان ھەمدە 1217-يىلى پاپانىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەن. ئۆلگەندىن كېيىن كاتولىك دىنى جەمئىيىتى تەرىپىدىن «ئەۋلىيا» دەپ ھۈرمەتلەنگەن. 

دومىنكو جەمئىيىتى

  • دومىنكو جەمئىيىتى[يەشمىسى:]Ordo Dominicanorum) «دومىنىكا مەزھىپى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ، «ۋائىز قېرىنداشلار جەمئىيىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كاتولىك دىنىدىكى تىلەمچى موناخلار جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق مەزھەپلىرىدىن بىرى. 1215-يىلى ئىسپانىيىلىك ئاقسۆڭەك دومىنكو قۇرغان. 1217-يى-لى پاپا خونورىئوسⅢ (Honorius Ⅲ، 7221 - 6121-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ تەستىقىغا ئىگە بولغان. 1232-يىلى پاپانىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن، بىدئەتلەر مەھكىمە شەرھىنى باشقۇرۇپ، بىدئەتلەرگە رەھىمسىزلىك بىلەن زىيانكەشلىك قىلغان. كېيىن ياۋروپادىكى بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىلاھىيەت مۇنبىرىنىمۇ باشقۇرغان. دەسلەپكى مۇرىتلىرى نامراتلىقنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ يۇقىرى تەبىقىسى كۆپلەپ مال-مۈلۈك توپلىۋالغان. ⅩⅢ ئەسىردە، ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان، ⅩⅥ ئەسىردە ئامېرىكا قىتئەسىگە كېڭەيگەن. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇرىتلىرىنى جۇڭگونىڭ تەيۋەن، فۇجيەن قاتارلىق جايلىرىغا ئەۋەتكەن. دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىدە تەسىر كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەن. بۇ جەمئىيەت ھازىرغىچە يەنە كۆپلىگەن دۆلەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

دومىنات تۈزۈمى

  • دومىنات تۈزۈمى[يەشمىسى:] لاتىنچە dominatus بولۇپ «پادىشاھلىق تۈزۈم» دېگەن مەنىدە. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى (674 — 482) دىكى بىر خىل ھۆكۈمرانلىق شەكلى. مىلادى 284-يىلى دېئوكلېتىئانوس (Diocletianus) تەختكە چىققاندا رەسمىي قوللانغان. بۇ ئىمپېرىيىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى پرىنسى تۈزۈمى (دۆلەت باشلىقى سىياسىي) غا ئوخشىمايدۇ. بۇ تۈزۈم بويىچە رىم پادىشاھى مۇستەبىت پادىشاھ (dom:aus، لاتىنچە «خوجايىن» دېگەن مەنىدە) قا ئايلانغان. ئۇ مېنىڭ ھاكىمىيىتىم تەڭرىدىن كەلگەن (پادىشاھ ھوقۇقىنى تەڭرى ئاتا قىلغان)، مېنىڭ بۇيرۇقۇم قانۇنىي كۈچكە ئىگە، پۇقرالارغا قارىتا ئۆلتۈرۈش-ئۆلتۈرمەسلىك، ئاتا قىلىش-تارتىۋېلىش ھوقۇقۇم بار دەپ ھېسابلىغان ھەمدە شەرق پادىشاھلىرىنىڭ ئوردا قائىدە-يوسۇنلىرىغا تەقلىد قىلغان. غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ھالاك بولغاندىن (476) كېيىن، شەرقىي رىم (ۋىزانتىيە) ئىمپېرىيىسى يەنە داۋاملىق قوللانغان. 

دومىنىكا مەزھىپى

  • دومىنىكا مەزھىپى[يەشمىسى:] يەنى «دومىنكو جەمئىيىتى». 

دوناتۇس مەزھىپى

  • دوناتۇس مەزھىپى[يەشمىسى:] دەسلەپكى خرىستىئان دىنىدىكى «بىدئەت» دىنىي مەزھەپ. ئاساس سالغۇچى دوناتۇس (Donatus) شىمالىي ئافرىقىدىكى كارفاگېندا ئېپىسكوپ بولغان (313)، ئۇنىڭ مۇرىتلىرى نومىدىيە ۋە مورىتانىيە (ھازىرقى ئالجىرىيە ۋە ماراكەشنىڭ شىمالى) گە تارقالغان. بۇ مەزھەپ رىم ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى خرىستىئان چېركاۋلىرىغا قارشى تۇرۇپ، چېركاۋ تەشكىلاتلىرى رىم دۆلىتى بىلەن بىرلەشمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان؛ چوڭ پومېشچىك ۋە رىم ئەمەلدارلىرىغا قارشى تۇرۇپ، مال-مۈلۈككە ئومۇم ئىگىدارلىق قىلىش (ئىپتىدائىي خرىستىئان دىنىي غايىسى) نى تەشەببۇس قىلغان. نامراتلار، قۇللار ۋە ئوتاقچىلار ۋە باشقا ئەمگەكچىلەرنىڭ كەڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن. كۆپلىگەن مۇرىتلىرى ئاگونىستلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، بايلار ۋە ئەنئەنىچىلەر تەرىپىدىن «كۆچمەن راھىبلار» (Gircumcelliones) دەپ ئاتالغان. كونستانتىن Ⅰ دىن بۇيان، كۆپ قېتىم رىم ھۆكۈمرانلىرىنىڭ دەھشەتلىك زىيانكەشلىكى ۋە باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان، بۇلارنىڭ پائالىيىتى ئاگونىستلار ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بەزىدە كۆتۈرۈلۈپ، بەزىدە پەسەيگەن. مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئاۋگوستىن ھىپپو (شىمالىي ئافرىقىدا) غا ئېپىسكوپ بولغاندا، دوناتۇس مەزھىپىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، رىمغا قارشى تۇرۇش كۈرىشى Ⅴ ئەسىرگىچە داۋاملاشقان، «بىدئەت» دىنىي مەزھەپ سۈپىتىدە تەخمىنەن Ⅶ ئەسىرگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. 

دوناي مەدەنىيىتى

  • دوناي مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] ياۋروپانىڭ تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ بىرى. ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا، شەرق قىسمى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا كەڭ تارالغان؛ بۇ رايوندىكى ئەڭ قەدىمىي تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى بولۇپ، ئۇنى Ⅰ دەۋر ۋە Ⅱ دەۋر دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ. مىلادىدىن 5000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىن مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللارغىچە بارا-بارا سېرىق توپىلىق جايلارغا تارقالغان، بۇ جايلاردا بۇغداي، ئارپا، پۇرچاق زىرائەتلىرى تېرىلغان. ساپال قاچىلىرى، گۈللۈك ساپال قاچىلار ۋە چېكىپ گۈل چىقىرىلغان ساپال قاچىلارنى بەلگە قىلغان. تاش قوراللىرىدىن سىپتا تاش قورال ۋە سىلىقلاپ ئىشلەنگەن تاش پالتا قاتارلىقلار بولغان. بۇلاردىن باشقا سۆڭەكتىن ئىشلەنگەن بۇيۇملار ۋە قۇلۇلە تىپىدىكىلەردىن ئىشلەنگەن زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىمۇ بولغان. قەبىلىلەر تۆت چاسا تىك ئۆڭكۈرلەردە ياشىغان، ھەممىسىنىڭ قاشا تاملىرى بولغان، مېسوپوتامىيە ۋادىسىدا مەيدانغا كەلگەن تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ ياۋروپاغا تارقىلىشىنى مۇھاكىمە قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دوناي Ⅰ دەۋر مەدەنىيىتىنىڭ تىپىك خارابىسى: كولن. لىندېنتال (Koln - Lindenthal)Ⅱ دەۋر مەدەنىيىتىنىڭ تىپىك خارابىسى لېسېن تزا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

دونىس سىكوتۇس

  • دونىس سىكوتۇس[يەشمىسى:]John Duns Scotus، 8031 — 5621). ئەنگلىيىلىك مەدرىس پەيلاسوپى. شوتلاندىيىدە تۇغۇلغان. فرانسىئوس جەمئىيىتىنىڭ پاستىرى. ئۇ مەردىس پەلسەپىسىدىكى نومىنالىست بولۇپ، ئومۇمىي ئۇقۇم ئايرىم شەيئىلەردىن ئايرىلىپ مۇستەقىل ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ پەلسەپە ئىلاھىيەتكە بويسۇنۇشتىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل پەن بولۇشى لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بىراق ئىلاھىيەتنى ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇش لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. تەپەككۇرنىڭ ماددىغا تەۋەلىك كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ماتېرىيالىستىك خاھىشقا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ «پېتر راڭ بادنىڭ (ئۇستازلارنىڭ مەشھۇر سۆزلىرى توپلىمى) شەرھلىرى» دېگەن داڭلىق ئەسىرى بار. 

دوۋنىڭ

  • دوۋنىڭ[يەشمىسى:]George Downing، 4861 — 3261) ئەنگلىيىلىك دىپلومات. دەسلەپكى يىللاردا ئامېرىكىدىكى خارۋارد داشۆسىدە ئوقۇغان، 1646-يىلى ئەنگلىيىگە قايتقان. 1649-يىلى شوتلاندىيىدە تۇرۇشلۇق گېنېرال بولۇپ، ئاخبارات خىزمىتىنى باشقۇرغان. 1657-يىلى ئەنگلىيىنىڭ گوللاندىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. 1660-يىلى چارلېس Ⅱ گە بېقىنىپ، 1663-يىلى بارون مەرتىۋىسىگە ئىگە بولغان. كېيىن ھۆكۈمەت ئىچىدە داۋاملىق خىزمەت ئىشلىگەن. نۇرغۇن بايلىق توپلاپ لوندوندىكى بىر كوچىنى، يەنى ھازىرقى دوۋنىڭ كوچىسىنى سېتىۋېلىپ، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى سارىيى تۇرۇشلۇق جاي قىلغان. 

دۇئارتې

  • دۇئارتې[يەشمىسى:]Juan Pablo Duarte، 6781 — 3181) دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى. سانتو دومىنگو شەھىرىدە تۇغۇلغان. ياۋروپادا تەربىيە كۆرگەن. 1822 — 1844-يىللىرى ھايتى سانتودومىنگونى بېسىۋالغان مەزگىلىدە، ۋەتەننى ئازاد قىلىش كۈرىشىگە پائال قاتناشقان. 1838-يىلى 7-ئايدا مەخپىي تەشكىلات — «ئۈچ بىرلىك جەمئىيىتى» (ئۇلارنى-ڭ شوئ-ارى — خۇدا، ۋەتەن ۋە ئەركىنلىك بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان) نى تەشكىللەپ، ھايتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنى قوزغىغان. 1842-يىلى سۈرگۈن قىلىنغان. 1844-يىلى دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ۋەتەنگە چاقىرتىپ كېلىنىپ، ھايتىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرۈشكە قاتناشقان. بىراق ئىچكى زىددىيەت بىلەن يەنە سۈرگۈن قى-لىن- غان. 1861-يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە قارشى تۇرۇش «ۋەتەننى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشى» پارتلىغاندىن كېيىن، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ كۈرەشكە قاتناشقان. كېيىن يەنە بىر قېتىم چەت ئەلگە چىقىپ كېتىپ، كاراكاستا ئۆلگەن. 

دۇبوئىس

  • دۇبوئىس[يەشمىسى:]William Edward Burghardt Du Bois، 1868 — 1963) ئامېرىكا نېگىرلار ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى ۋە يازغۇچىسى. ماسساچۇسېت شتاتىدا تۇغۇلغان. 1888-يىلى فېسىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1890-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 6981 — 4981-يىللىرى ۋىلبېرفورس ئىنىستىتۇتىنىڭ يۇنان ۋە لاتىن تىلى پروفېسسورى بولغان. 1879 — 1910-يىللىرى ئاتلانتا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە تارىخشۇناسلىق ئىلمى پروفېسسورى بولغان. 1910 — 1932-يىللىرى ئامېرىكا رەڭلىك ئىرقلار ھەمكارلىق تەرەققىيات ئۇيۇشمىسى نەشرىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋە بۇ ئۇيۇشمىنىڭ ژۇرنىلى «كرىزىس» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. 1933 — 1944-يىلى ئاتلانتا ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 5491 - 3391-يىللىرى «نېگىرلار قامۇسى» نىڭ باش تەھرىرى بولغان. نېگىرلار باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىگە ئۆزىنى بېغىشلىغان. ئامېرىكا رەڭلىك ئىرقلار ھەمكارلىق-تەرەققىيات ئۇيۇشمىسىنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى، جۈملىدىن پان ئافرىقا ھەرىكىتىگە ئاساس سالغۇچى. 4591 — 8491-يىللىرى ئافرىقا ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. تىنچلىق ھەرىكىتىگە كۈچ قوشۇپ، ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ كەلگەن. 1950-يىلى دۇنيا تىنچلىق پراۋلېنىيە ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1936-، 1959-، 1962-يىللىرى ئۈچ نۆۋەت جۇڭگوغا كېلىپ زىيارەتتە بولغان. 1960-يىلى گاناغا كۆچۈپ كېلىپ «ئافرىقا قامۇسى» نىڭ باش تەھرىرى بولغان. 1961-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا كومپارتىيىسىگە قاتناشقان. 1963-يىلى گانا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. ھاياتىدا يازغان ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقلىرى «نېگىرلارنىڭ روھى»، «جون-برائون»، «قايتا قۇرۇش مەزگىلىدىكى ن-ېگىرلار»، «گۇگۇم بىلەن تاڭ»، «تېرە رەڭگى ۋە دېموكراتىيە»، «دۇنيا ۋە ئافرىقا» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

دۇبيەن جېڭجژفۇ (ۋاتانابې ماسانوسۇكى)

  • دۇبيەن جېڭجژفۇ (ۋاتانابې ماسانوسۇكى)[يەشمىسى:]8291 - 9981)، ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. چىنا ناھىيىسىنىڭ جچىاكاۋاچو كەنتىدە تۇغۇلغان. دۇكان خىزمەتچىسى، ئىشچى بولغان ھەمدە ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1922-يىلى ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1925-يىلى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى باھالاش كېڭىشىنى تەشكىللەشكە رەھبەرلىك قىلغان. 1926-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1927-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، شۇ يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن. 1928-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋېييۈەنجاڭى بولغان. شۇ يىلى 9-ئايدا جۇڭگونىڭ شاڭخەي شەھىرىگە كېلىپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ۋەكىلى بىلەن پارتىيە خىزمىتى ئۈستىدە ئالاقە باغلىغان، 10-ئايدا دۆلىتىگە قايتقان، سەپەر ئۈستىدە تەيۋەننىڭ جىلوڭ پورتىدا ساقچىلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان، باتۇرلارچە ئېلىشىپ، پارتىيىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئاخىرىدا ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلۈۋالغان. 

دۇپورت

  • دۇپورت[يەشمىسى:]Adrien Jean Fran cois Duport، 8971 - 9571) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى فېللانچىلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئىنقىلابتىن ئاۋۋال پارىژ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەرزىيەتچىسى بولغان. 1789-يىلى 5-ئايدا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقان. 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ باشقا 46 ۋەكىلى بىلەن مىللىي پارلامېنتقا قاتناشقان. يېڭى ئەدلىيە ئورگىنى قۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغان، كېيىن پارىژ جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1791-يىلى 7-ئايدىكى مارس مەيدانىدىكى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدىن كېيىن لامېت، بارناۋ بىلەن فېللان كۇلۇبىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، «ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقى» نى تەشكىل قىلىپ، مونارخىيىلىك-ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى تەشەببۇس قىلغان. لۇئى ⅩⅥ قېچىپ كېتىپ تۇتۇۋېلىنغاندىن كېيىن، كورۇلنى داۋاملىق قانات ئاستىغا ئېلىپ، مونارخىيىلىك ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغان. 1792-يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنى قاچقاندا مەقسىتىگە يېتەلمەي قولغا ئېلىنغان، كېيىن قويۇپ بېرىلگەن، يەنە ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. مېۋە ئېيىنىڭ 18-كۈنى (1797-يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنى) دىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن شۋېتسارىيىگە قېچىپ كەتكەن. 

دۇپرې

  • دۇپرې[يەشمىسى:]Marie Jules Dupre، 1881 — 3181) فرانسىيىلىك مۇستەملىكىچى. فرانسىيە شەرقىي ئافرىقا فلوتىنىڭ قوماندانى. رىئونىئون ئارىلى باش ۋالىيسى بولغان. 1871-يىلى كوخىنخىنا (ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىي قىسمى) نىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1873-يىلى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ گارىنېر، پلاسترې (Philastre) لارنى ئەۋەتىپ ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىغا تاجاۋۇز قىلغان. 1874-يىلى رۇۋەن جەمەتى خاندانلىقىنى ئىككىنچى قېتىملىق «سايگون شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. 

دۇپلېئى

  • دۇپلېئى[يەشمىسى:]Joseph Fransois Dupleix، 3671 — 7961) دۇپلېئىكىس دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىپ كەلگەن. فرانسىيىلىك مۇستەملىكىچى. بۇرژۇئا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1720-يىلى ھىندىستانغا كېلىپ، پوندشېرىي قاتارلىق جايلاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1741-يىلى باش ۋالىيلىققا ئۆستۈرۈلگەن. ئۇ، ھىندىستاندا فرانسىيە-ھىندىستان ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، ئەنگلىيە بىلەن ھىندىستاندا زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىش ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئەڭ بۇرۇن ياۋروپاچە ئۇسۇل بىلەن ھىندىستان يەرلىك ياللانما قوشۇنلىرىنى تەربىيىلەشكە باشلىغان. 8471 — 6471-يىللىرىدىكى بىرىنچى قېتىملىق كارناتىك ئۇرۇشى مەزگىلىدە، قوشۇن باشلاپ بېرىپ، مادراسنى تارتىۋالغان. 4571 — 9471-يىللىرىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق كارناتىك ئۇرۇشى داۋامىدا دەسلەپ غەلىبە قىلىپ، كېيىن مەغلۇپ بولغان. 1754-يىلى فرانسىيىگە قايتۇرۇلۇپ كېتىلىپ، نامراتلىق ئىچىدە ئۆلگەن. ئۇنىڭ بىر ئەسلىمىسى ساقلىنىپ قالغان. 

دۇت

  • دۇت[يەشمىسى:]Romesh Chandra Dutt، 9091 — 8481) داتت دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى رەھبىرى ۋە يازغۇچى. بېنگالنىڭ كالكۇتتادىكى رامبوگىنداتت ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1869-يىلى مۈلكىي ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، 1871-يىلى ھىندىستاننىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى بولغان. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئادۋوكات، يەرلىك سوتچى، بوردېۋان ۋىلايىتىنىڭ مۇۋەققەت مەمۇرىي ۋالىيسى، ئورىسا ۋىلايىتىنىڭ مەمۇرىي ۋالىيسى، بېنگال قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، بارودا بەگلىكىنىڭ مالىيە ۋەزىرى ۋە باش ۋەزىرى بولغان. 1890-يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان. رەئىس بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە بىر يۈرۈش مەمۇرىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. خەلق كونگرېسى پارتىيىسى مۆتىدىلچىلەرنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ھىندىستان بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ئالاقىسىنى ساقلاپ قېلىشنى، ھىندىستاننى بىرلىكتە باشقۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. ئەنگلىيىنىڭ لوندون ئىنىستىتۇتىدا ھىندىستان تارىخى لېكتورى بولغان. بېنگال تىلىدا نۇرغۇن تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي رومان يازغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «قەدىمكى زامان ھىندىستان مەدەنىيىتى»، «ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستان ئىگىلىك تارىخى» (ئىككى توملۇق) قاتارلىقلار بار. 

دۇتوۋ

  • دۇتوۋ[يەشمىسى:]Александр Ильич Дутов، 1291 — 4681) سوۋېت ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئورال كازاك ئەكسىلئىنقىلابچىلىرىنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، كازاك قوشۇنى پۈتۈن روسىيە ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، ئورېنبۇرگ كازاك قوشۇنىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرگەن. 9191 — 8191-يىللىرى، كولچاكنىڭ قول ئاستىدا، ئورېنبۇرگ كازاك قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلغان. مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 1920-يىلى 3-ئايدا قالدۇق قىسىملىرىنى باشلاپ جۇڭگوغا قېچىپ كىرگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

دۇخونېن

  • دۇخونېن[يەشمىسى:]Николай Николаевич Духонин، 7191 — 6781) روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي كاتتىباشلاردىن بىرى. ئەسلىدە روسىيە ئارمىيىسى گېنېرال لېيتېنانتى. باش شتاب ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبىي ئۇرۇش سېپىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. كىرېنىسكى ئالىي باش قوماندانلىق شتابىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، پائال تۈردە پېتروگرادقا قوشۇن يۆتكەپ كېلىپ، ئىنقىلابنى يوقىتىپ، بۇرژۇئا ھاكىمىيىتىنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا ئۇرۇنغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن كىرېنىسكى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەندە روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1917-يىل 11-ئاينىڭ 22-كۈنى سوۋېت روسىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيە، ئاۋسترىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىپ، دەرھال تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلىقتىن، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. كېيىن ھەقىقەتكە قايتقان ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 

دۇرېر

  • دۇرېر[يەشمىسى:]Albrecht Durer، 8251 - 1741) گېرمانىيە دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى مەزگىلىدىكى ماي بوياق رەسسام، ئويمىچى، ھەيكەلتىراش ۋە ئارخىتېكتور. نيۇرىنبېرگتا زەرگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلىپىدە دادىسىدىن زەرگەرلىكنى ئۆگەنگەن، كېيىن ۋولگېمۇت (Micheal Wolgemut، 1434 — 1519) تىن رەسىم سىزىش ۋە ياغاچ ئويمىچىلىقنى ئۆگەنگەن. ياشلىق مەزگىلىدە دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىگە مايىل بولغان. ئەسەرلىرىدە گۇمانىزم نۇقتىئىنەزەرى تولۇپ تاشقان، گېرمانىيە خەلقىنىڭ رىم كاتولىك چېركاۋلىرىغا قارشى تۇرۇش روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. سەنئەت جەھەتتە، «ھەقىقىي سەنئەت تەبىئەتتە بولىدۇ» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئىتالىيىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى سەنئەت غايىسى بىلەن شىمالدىكى گوتچە ماھارەت ۋە ئۇسۇلنى بىرلەشتۈرگەن. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن ياغاچ ئويما رەسىملەر گۇرۇپپىسى — «ۋەھىدىن خاتىرىلەر»، مىس ئويما رەسىم — «رىتسار، ئەزرائىل، ئالۋاستى»، ماي بوياق رەسىم — «تۆت ئەۋلىيانىڭ سۈرىتى» ۋە رەسىملىرى بار. تۆت توملۇق «ئادەم بەدىنى نىسبىتى توغرىسىدا تەتقىقات» دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇنىڭ رېنتگېنشۇناسلىق ۋە ئادەم ئاناتومىيىسى جەھەتتە زور تۆھپىسى بار. ئارخېتېكتورا سىستېمىسى جەھەتتىكى بەزى پەرەزلىرى گېرمانىيىنىڭ يېقىنقى زامان شەھەر قۇرۇلۇش ئىلمىدە قوللىنىلغان. 

دۇكات

  • دۇكات[يەشمىسى:]Ducato) مېتال پۇل نامى. كۆپىنچە ئالتۇندىن قۇيۇلىدۇ، كۈمۈشتىن قۇيۇلغانلىرىمۇ بار. سىتسىلىيىنىڭ كورۇلى روگېر Ⅱ ئاپۇلىيە (Apulia، ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان) گېرتسوگى بولغاندا تۇنجى قېتىم كۈمۈشتىن قۇيدۇرغان. مېتال پۇل ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى ۋېنېتسىيە جۇمھۇرىيىتىدە 4821 — 0821-يىللىرى ئارىلىقىدا قۇيۇلغان ئالتۇن دۇكات بولۇپ، بۇنداق پۇل «سېكۇن» (Sequin) ياكى «سېكىنو» (Zecchino) دەپمۇ ئاتالغان. ئىتالىيە، نىدېرلاندىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، ئىسپانىيە ۋە دانىيە قاتارلىق ئەللەردە ئىشلىتىلگەن. ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى يېقىن شەرق رايونى بىلەن سودا قىلىش ئۈچۈن تاكى ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئالتۇن دۇكاتنى قۇيدۇرۇپ ئىشلىتىپ كەلگەن. 

دۇكلوس

  • دۇكلوس[يەشمىسى:]Jacques Duclos، 5791 - 6981) فرانسىيە كومپارتىيىسى رەھبەرلىرىدىن بىرى. ياغاچچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياشلىق دەۋرىدە كەمپۈت ۋە مېتال بۇيۇملىرى ئىشچىسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، يارىدار بولۇپ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن. 1920-يىلى فرانسىيە كومپارتىيىسىگە قاتناشقان. 1926-يىلى مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، 1931-يىلى سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزاسى ۋە سېكرىتارىياتنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1935-يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1926-يىلدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى، 1936-يىلدىن باشلاپ مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مەملىكەت ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 5491 - 4491-يىللىرى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، 6491 - 5491-يىللىرى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1950 — 1953-يىللىرى فرانسىيە كومپارتىيىسىنىڭ مۇۋەققەت باش سېكرىتارى بولغان. 8591 - 6491-يىللىرى مىللىي پارلامېنت ئەزاسى، 1959-يىلدىن باشلاپ ئالىي پالاتا ئەزاسى بولغان. 1969-يىلى فرانسىيە كومپارتىيىسى نامزاتى سۈپىتىدە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ «ئەسلىمىلەر» ناملىق ئەسىرى بار. 

دۇگلاس

  • دۇگلاس[يەشمىسى:]Frederick Douglass، تەخمىنەن 5981 - 7181)، ئامېرىكىلىق قۇللۇق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى. ئەسلى نامى فرېدېرىك ئاۋگۇستۇس ۋاشىنگتون بائىلېي (Frederick Augustus Washington Bailey) بولۇپ، نېگىر قۇلدىن تۇغۇلغان. 1838-يىلى مارىلاند شتاتىدىكى ئېكىنزارلىق مەيدانىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن. ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قۇللۇق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەرىكىتىدە، بەس-مۇنازىرىدىكى سۆز قابىلىيىتى ۋە بىۋاسىتە سەرگۈزەشتسى ئارقىلىق، قۇللۇق تۈزۈمنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان ھەمدە شىكايەت قىلغان. 1841-يىلى ماسساچوسېت ش-تاتىدىكى قۇللۇققا قارشى جەمئىيەتكە قاتناشقان. 0681 — 7481-يىللاردا «قۇتۇپ يۇلتۇزى گېزىتى» نى تەسىس قىلىپ ھەمدە ئۇنىڭغا تەھرىر بولۇپ، قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. ئامېرىكىنىڭ شىمال-جەنۇب ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قاتناشقان. «فرېدېرىك دۇگلاسنىڭ ھاياتىدىكى كەچۈرمىشلىرى» دېگەن تەرجىمىھال ئەسىرى بار. 

دۇگۇئىت

  • دۇگۇئىت[يەشمىسى:]Leon Duguit، 8291 - 9581) فرانسىيىلىك قانۇنشۇناس ۋە سىياسىي نەزەرىيىچى. 1886-يىلدىن باشلاپ بوردو ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئامېرىكا، ئارگېنتىنا، پورتۇگالىيە، رۇمىنىيە ۋە مىسىر قاتارلىق ئەللەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دەرس بەرگەن. ئۇ، «پرولېتارىيات ھۆكۈمرانلىقى ياكى بۇرژۇئا ھۆكۈمرانلىقى» دېگەن گەپ مەۋجۇت ئەمەس دەپ قاراپ، «پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى سىنىپ، ھەممە شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇدرەتلىك سىندىكات قۇرۇش» — «ھۆكۈمران شەخسلەرنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ كاپالىتى» دېگەننى تەرغىپ قىلغان. ئۇنىڭ بۇ نەزەرىيىسىدىن بۇرژۇئا ئوڭچى كۈچلىرى پايدىلىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ «ئاساسىي قانۇن توغرىسىدا»، «دۆلەت، ئوبيېكت قانۇن ۋە يازما قانۇن» ناملىق ئەسەرلىرى بار.

دۇڭجىڭ ھەقسىز مەكتىپى

  • دۇڭجىڭ ھەقسىز مەكتىپى[يەشمىسى:] ۋيېتناملىق ئىلغار بىلىم ئەھلىلىرى قۇرغان مەكتەپ ۋە تەشۋىقات تەشكىلاتى. 1907-يىلى 3-ئايدا دۇڭجىڭ (بېيچىسى، ھازىر بېيبۇ دەپ ئاتىلىدۇ) دىكى خانۇي تاۋخاڭ كوچىسىدا قۇرۇلغان، ئىچكى قىسىمدا مائارىپ، مالىيە، تەشۋىقات ۋە يېزىقچىلىقتىن ئىبارەت تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، ئوقۇغۇچىلىرى مىڭغا يېتىدۇ. يېڭى بىلىملەردىن دەرس ئۆتۈلۈشتىن سىرت، ھەرقايسى جايلاردا لېكسىيە، ماقالە-ئەسەر باھالاش يىغىنى تەشكىللەپ، فرانسىيىگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەرغىپ قىلغان؛ كىتاب-ژۇرنال نەشىر قىلىپ، يېڭى ئىدىيىلەرنى تونۇشتۇرغان؛ ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى تۈزۈمىگە ۋە قالاق ئادەتلەرگە قارشى تۇرغان؛ ئۆز دۆلىتىنىڭ مېلىنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ ئۆز دۆلەت تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرغان. جايلاردا شۆبە مەكتەپ قۇرۇلۇپ، خانۇي بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇڭلاشقا، فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئۆز يېنىغا تارتىش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىپ، رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشنى ئېلىپ بارغان، شۇ يىلى 12-ئايدا ھەقسىز مەكتەپنى پېچەتلەپ، ئوقۇتقۇچىلارنى قولغا ئېلىپ، ئۇنىڭ تەشۋىقات بۇيۇملىرىنىڭ تارقىلىشىنى مەنئى قىلغان.

دۇما

  • دۇما[يەشمىسى:] رۇسچە ئۆي Дума — نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. چارروسىيە مەركىزىي ۋە يەرلىك مەسلىھەت ئورگىنىنىڭ ئاتىلىشى. (1) چوڭ ئاقسۆڭەكلەر دۇماس-ى. بۇ بويارلار دۇماسى (Боярская Дума) ياكى فېئودال خوجىدارلار دۇماسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅦ — ⅩⅤ ئەسىرلەردىكى روسىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ مەسلىھەت ئورگىنى. دەسلەپ كىنەز ۋە تۆرىلەر تىزگىنلەپ كەلگەن، كېيىنرەك چار پادىشاھى تىزگىنلىۋالغان. 1711-يىلى پېتر Ⅰ كېڭەش پالاتاسى تەسىس قىلىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغان، فېئودال خوجىدارلار دۇماسى قۇرۇق نەرسىگە ئايلانغان. (2) شەھەرلىك دۇما (Городская Дума). ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن ئاۋۋالقى روسىيىدىكى شەھەر كېڭەش پالاتاسى. 1785-يىلى قۇرۇلغان. نەسەب-تەبىقە ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان. 1870-يىلى شەھەر مەمۇرىيىتى ئىسلاھاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋەكىللىرى مال-مۈلۈك سالاھىيىتى بويىچە ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ سايلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى، چوڭ بۇرژۇئازىيە بىلەن يۇقىرى تەبىقە ئاقسۆڭەكلەر تىزگىنلىۋالغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن تارقىتىۋېتىلگەن. (3) دۆلەت دۇماسى (Государственная Дума). چارروسىيىنىڭ دۆلەت پارلامېنتلىق ئورگىنى. 1906-يىلى قۇرۇلغان. دەسلەپ مەسلىھەت ئورگىنى بولۇپ، كېيىن قانۇن چىقىرىش ئورگىنىغا ئايلانغان. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ جەمئىي تۆت نۆۋەت (1906، 1907، 2191 — 7091، 7191 — 2191-يىللىرى) چاقىرىلغان. ئۇ، چار پادىشاھنىڭ روسىيىدىكى ئاساسلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئورگىنىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆكتەبر ئىنقىلابى ھارپىسىدا تارقىتىۋېتىلگەن. 

دۇمۇرې

  • دۇمۇرې[يەشمىسى:]Charles Franciois du Perier dit Dumouriez، 1739 — 1823) فرانسىيىلىك گېنېرال. ئوفىتسېرلىقتىن كېلىپ چىققان. 1758-يىلى ھەربىي سەپكە كىرگەن، يەتتە يىللىق ئۇرۇشقا قاتناشقان، كېيىن پولكوۋنىك بولغان. پولشا ۋە ھامبۇرگقا بېرىپ مەخپىي دىپلوماتىك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان، كېيىن سۇيىقەستلىك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقتىن قولغا ئېلىنغان. 1774-يىلى قويۇپ بېرىلىپ، ھەربىي ئۇنۋانى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1778-يىلى شېربۇر قورۇلىنىڭ قوماندانى بولغان. 1790-يىلى ياكوبىنچىلارغا قاتنىشىپ، نانتنىڭ قوماندانى بولغان ھەمدە مىرابو، لافايېت ۋە ئورلىئان گېرتسوگى بىلەن دوست بولغان. ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى دەۋرىدە پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچىلەرگە مەنسۇپ بولغان، قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى دەۋرىدە گروندىچى بولغان. 1792-يىلى 3-ئايدا گروندىچىلار ئىچكى كابېنىتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، كۆپ ئۆتمەي ئىستېپا بېرىپ، شىمالىي يول ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. ۋالمى جېڭى قاتارلىق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن بېلگىيىگە يۈرۈش قىلغان، گوللاندىيىدە مەغلۇپ بولغاچقا، مىللىي ئۇيۇشما تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئۇ ۋەزىپىدىن بوشىتىش بۇيرۇقىنى رەت قىلىپ، ئاۋسترىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، پارىژغا قوشۇن تارتىپ، پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قەستلىگەن بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشمىغان. 1793-يىل 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئارمىيىنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن، كېيىن ئەنگلىيىدە ئولتۇراقلاشقان. «گېنېرال دۇمورېنىڭ ھاياتى ۋە ئەسىرى» ناملىق ئەسلىمىسى بار.

دۇمېر

  • دۇمېر[يەشمىسى:]Paul Doumer،1857 — 1932) فرانسىيە زۇڭتۇڭى (1931 — 1932). 1888-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. كېيىن كۆپ قېتىم مالىيە مىنىستىرى (6981 — 5981، 2291 — 1291، 6291 — 5291-يىللىرى) بولغان. 2091 — 7981-يىللىرى فرانسىيىگە قاراشلىق ھىندىچىنى دومىنىئونىنىڭ باش ۋالىيسى بولۇپ، مۇستەملىكىلەردىكى خەلقنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى باستۇرغان. 1902-يىلى يەنە پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1905-يىلى پارلامېنت باشلىقى بولۇپ سايلانغان. 1906-يىلى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغان. 1912-يىلدىن باشلاپ كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ۋە باشلىقى (1391 - 7291) بولغان. 1931-يىلى 5-ئايدا جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلىنىپ، 1932-يىلى 5-ئايدا بىلوروسىيىلىك ئاق گۋاردىيىچى ئۇنسۇر پاۋېل گورگۇلوۋ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ «فرانسىيىگە قاراشلىق ھىندىچىنى» ناملىق ئەسىرى بار.

دۇمېرگې

  • دۇمېرگې[يەشمىسى:]Gaston Doumergue، 7391 — 3681) فرانسىيە زۇڭتۇڭى (1391 — 4291). دەسلەپ قانۇن ئۆگىنىپ، كېيىن ئادۋوكاتلار ئىشخانىسى تەسىس قىلغان. 3981 — 5881-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھىندىچىنى ۋە ئالجىرىيە مۇستەملىكە ئورگىنىدا ئەدلىيە ئەمەلدارى بولغان. 1893-يىلى پارلامېنتقا قاتنىشىپ، فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى پائال قوللاپ كەلگەن. 1910-يىلى ئالىي پالاتا ئەزاسى بولغان. 4291 — 3291-يىللىرى ئالىي پالاتا باشلىقى بولغان. مۇستەملىكە ئىشلىرى مىنىستىرى (5091—2091، 7191—4191-يىللىرى)، سودا مىنىستىرى (1906 — 1909) ۋە ئومۇمىي مائارىپ مىنىستىرى (1908—1910) بولغان. 1913 — 1914-يىللىرى رادىكال سوتسىيالىستلار كابىنېتىنى تەشكىللەپ، زۇڭلى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 1917-يىلنىڭ باشلىرى فرانسىيە ھۆكۈمەت ئەلچىلەر ئۆمىكىنى باشلاپ روسىيىدە زىيارەتتە بولۇپ، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنى ئۇرۇشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1934-يىلى 2-ئايدا فاشىستلار توپىلىڭىدىن كېيىن، مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەپ زۇڭلى بولغان. مۇرەسسەچىلىك سىياسەتنى ئىشقا ئاشۇرالماي، شۇ يىلى 11-ئايدا ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 

دۇنبار

  • دۇنبار[يەشمىسى:]Paul Laurence Dunbar، 6091 — 2781) ئامېرىكىلىق نېگىر يازغۇچى. ئوخىئو شتاتىدا دۇنياغا كەلگەن. ئاتا-ئانىسى جەنۇبقا قېچىپ سەرسان بولغان قۇل. ئۇ كىچىكىدىنلا ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلاپ، ئوقۇغۇچىلار ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى بولغان. 1891-يىلى دايتون ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 5981 - 1981-يىللىرى كران ئىشچىسى بولغان. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1893-يىلى تۇنجى قېتىم شېئىرلار توپلىمى ئېلان قىلغان. ئىككى يىلدىن كېيىن «كۆپ سانلىقلار ۋە ئاز سانلىقلار» دېگەن شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. 1897-يىلى تەكلىپ بىلەن ئەنگلىيىگە بارغان. شۇ يىلى ئامېرىكىغا قايتىپ پارلامېنت كۇتۇپخانىسىدا خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى نېگىرلار تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئاساس قىلغان. ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە شېئىرلار توپلىمى «ئاساسىي قاتلام تۇرمۇش ناخشىسى» بولۇپ، چوڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن، نېگىر خەلق قوشاقلىرى تۈسىگە باي، تىلى تەسىرلىك بولۇپ، نېگىرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئىنتىلگەنلىكى ئىپادىلەنگەن. «ئەرۋاھلارنىڭ خۇشاللىقى» دېگەن رومانىدا، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قىسمىغا كۆچۈپ بارغان نېگىر ئائىلىسىنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتى تەسۋىرلەنگەن. 

دۇنكان

  • دۇنكان[يەشمىسى:]Isadora Duncan، 7291 — 8781) ئامېرىكىلىق ئايال ئۇسسۇلچى. سان-فرانسىسكۇدا تۇغۇلغان. ئۇ ئىجاد قىلغان يۇنان ئۇسلۇبىدىكى ئەركىن ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە ئۇسسۇلى، كلاسسىك بالېت ئۇسسۇلى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ھەرىكىتى گۈزەل، تەبىئىي بولۇپ، ئىچكى ھېسسىياتنى ئىپادىلەپ بەرگەن. 1900-يىلى پارىژدا قويغان ئويۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. 1904-يىلى بېرلىندا ئۇسسۇل سىنىپى ئاچقان ھەمدە ئۇسسۇل ئۆمىكى تەشكىللەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بېرىپ سەييارە ئويۇن قويغان، بىرنەچچە قېتىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارغان ھەمدە موسكۋادا ئۇسسۇل سىنىپى تەسىس قىلغان. ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن، ئىنقىلابىي ئۇسسۇللۇق تىياتىر «قىزىل بايراق» نى قويغاچقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پارىژدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان، كېيىن نىستا يۈز بەرگەن ماشىنا ھادىسىسىدە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ: «مارسېل مارشى»، بېتخوۋننىڭ «يەتتىنچى سىمفونىيىسى»، مىندېرسۇننىڭ «باھار» ۋە چايكوۋىسكىنىڭ «سلاۋىيان مارشى» قاتارلىق ئاساسلىق ئۇسسۇل ئەسەرلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالى بولغان «مېنىڭ ھاياتىم» دېگەن ئەسىرىمۇ بار.

دۇنكېركيۇې چېكىنىشى

  • دۇنكېركيۇې چېكىنىشى[يەشمىسى:] ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بىر قېتىملىق زور ھەربىي چېكىنىش ھەرىكىتى بولۇپ، «دىنامو (Dynamo)» دېگەن شەرتلىك بەلگە بىلەن ئاتالغان. 1940-يىلى 5-ئايدا گېرمانىيە ئارمىيىسى فرانسىيىگە بېسىپ كىرىپ، ئەنگلىيە-فرانسىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. ئەنگلىيىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى ۋە فرانسىيە ئارمىيىسىدىن تەخمىنەن 400 مىڭ كىشى يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئەھۋال ئاستىدا، جانلىق كۈچنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى دۇنكېر كيۇئې (Dunkerque) رايونىغا چېكىنگەن. گېرمانى-يە ئارمىيىسى بۇ رايونغا ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇمنى قوزغاشقا تەييارلىنىۋاتقان چاغدا، گىتلېر ئۇشتۇمتۇت گودرىئان تانكا قىسىملىرىغا ئالغا ئىلگىرىلەشنى توختىتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. ئەنگلىيە ئارمىيىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دېڭىز ئارقىلىق چېكىنىش ھەرىكەت پىلانىنى ئىجرا قىلغان. 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە 850 تىن ئارتۇق كرىيسېر ۋە باشقا ھەر خىل پاراخوتلار گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ شىددەتلىك ھاۋا ھۇجۇمىغا قارىماي، 338 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئىنگلىز بوغۇزىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەنگلىيىگە ئېلىپ بارغان. پەقەت ئارقا مۇھاپىزەتچى قوشۇندىن 40 مىڭ كىشى (فرانسىيە ئارمىيىسىدىن) ئەسىرگە چۈشكەن. بۇ قېتىملىق چوڭ چېكىنىش ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىپ، يېڭىباشتىن قوراللىنىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشىغا پايدىلىق بولغان. 

دۇنكېركيۇې ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى

  • دۇنكېركيۇې ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى[يەشمىسى:] يەنى «ئەنگلىيە-فرانسىيە ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ياردەملىشىش شەرتنامىسى». 

دۇننىڭ

  • دۇننىڭ[يەشمىسى:]William Archibald Dunning، 2291 — 7581). ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس. 1881-يىلى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1981 — 6881-يىللىرى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخشۇناسلىق ۋە پولېتىكا بويىچە ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئاسپرانت بولغان، قوشۇمچە لېكتور بولغان. 3091 — 1981-يىللىرى تارىخشۇناسلىق بويىچە دوتسېنت، پروفېسسور بولغان. 3091 — 4981-يىللىرى «پولېتىكا پەسىللىك ژۇرنىلى» نىڭ باش تەھرىرلىكىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. 1904-يىلى لىبېردا لېكسىيە سۆزلەپ، تارىخ ۋە سىياسىي پەلسەپە بويىچە پروفېسسور بولغان. 1913-يىلى ئامېرىكا تارىخشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن جەنۇب بىلەن شىمال ئۇرۇشىدىن كېيىنكى «قايتا گۈللىنىش دەۋرى» تارىخى ۋە ياۋروپا سىياسىي نەزەرىيە تارىخىغا ئائىت تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە بۇ ئىككى جەھەتتە نوپۇزغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ: «7781 — 5681-يىللىرىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادنىڭ قايتا گۈللىنىشى»، «ئىچكى ئۇرۇش ۋە قايتا گۈللىنىش توغرىسىدىكى ماقالىلەر توپلىمى»، «ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى ۋە ئامېرىكا»، «قەدىمكى زاماندىكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى پولېتىكا تەلىمات تارىخى»، «مارتىن لۇتېردىن مۇنتېسكيۇغىچە بولغان پولېتىكا تارىخى»، «روسسودىن سىپېنسېرغىچە بولغان سىياسىي تەلىمات تارىخى» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار.

دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزە

  • دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزە[يەشمىسى:] قەدىمكى دەۋردىكى يەتتە مەشھۇر قۇرۇلۇش ۋە ھەيكەلنىڭ ئاتىلىشى. ئادەتتە: (1) ئەلئېھرام، يەنى مىسىردىكى فىرئەۋىن (پادىشاھلارنىڭ) قەبرىسى. بۇنىڭ ئىچىدە تۆتىن-چى سۇلالىنىڭ فى-رئەۋىنى خۇفۇنىڭ قەبرىسى ئەڭ كۆركەم بولۇپ، ئېگىزلىكى 5.146 مېتر، ھەر تەرەپنىڭ تەكتى ئۇزۇنلۇقى 230 مېتر بولۇپ، 2 مىليون 300 مىڭ پارچە يوغان تاشتىن (ھەربىر پارچە تاش ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5.2 توننا كېلىدۇ) قوپۇرۇلغان بولۇپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر قاھىرەگە يېقىن بولغان گىسادا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. (2) باغ مۇئەللەق: يېڭى بابىلون پادىشاھى نېبۇچادنېززارⅡ خانىكىگە ئاتاپ ياساتقۇزغان گۈللۈك، يەنى تۆت قەۋەت توپا سۇپا بولۇپ، ئېگىزلىكى 25 مېتر، ھەربىر قەۋىتىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاجايىپ-غارايىپ گۈل-چېچەك ۋە ئوت-چۆپلەر تېرىلغان، يىراقتىن قارىغاندا بەئەينى بوشلۇقتىكى گۈللۈككە ئوخشايدۇ. (3) ئارتېمىس ئىلاھى ئىبادەتخانىسى. قەدىمكى گرېتسىيە شەھىرى ئىفېسقا جايلاشقان، ئۇزۇنلۇقى 126 مېتر، كەڭلىكى 65 مېتر، تۆت ئەتراپىغا 127 تاش تۈۋرۈك قويۇلغان، تۈۋرۈكلەرگە ناھايىتى نەپىس قىلىپ ھەرخىل ئەپسانە ھېكايىلەر نەقىشلەنگەن. (4) زېۋىس ھەيكىلى. گرېتسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئولىمپىيا (Olympia) زېۋىس ئىلاھى ئىبادەتخانىسىدا. ئېگىزلىكى 15 مېتر، پۈتۈن گەۋدىسى قارا ئىبنوس ياغىچىدىن ئويۇپ ياسالغان ھەمدە ئالتۇن، پىل چىشى ۋە گۆھەر ئورنىتىلغان، بۇ بۈيۈك ئىلاھنىڭ ئوڭ قولىغا غالىب ئايال ئىلاھ ھەيكىلى تۇتقۇزۇلغان، سول قولىغا زوكون تۇتقۇزۇلغان. (5) مائۇ سۇلۇس قەبرىسى: خالىكار ناسسۇس شەھىرى (كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا) نىڭ پادىشاھى گارىيانىڭ قەبرىسى، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 39 مېتر، كەڭلىكى تەخمىنەن 33 مېتر، ئېگىزلىكى 50 مېتر، سۇپا ئۇلى ئاق مەرمەر تاشتىن قوپۇرۇلغان. ئۈستىدە مائۇسۇلۇس بىلەن خانىشنىڭ جەڭ ھارۋىسىدا ئولتۇرغان ھەيكىلى بار. (6) غايەت زور قۇياش ئىلاھى ھەيكىلى. ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى رودې ئارىلىدا برونزىدىن قويۇلغان، ئېگىزلىكى 34 مېتر، كېيىنچە يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان. (7) فاروس ماياكى. مىسىردىكى ئالېكساندرىيىنىڭ تاشقى فاروس ئارىلىدا، مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 122 مېتر، شوتىسى بىلەن چوققىسىغا چىققىلى بولىدۇ. يورۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا كېچىدە سەپەر قىلغان كېمىلەر 40 كىلومېتر يىراقتىن چىراغ يورۇقىنى كۆرەلەيدىكەن. 

دۇنيا سانائەت ئىشچىلىرى ئىتتىپاقى

  • دۇنيا سانائەت ئىشچىلىرى ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] ئامېرىكا سول قانات ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى. 1905-يىلى چىكاگودا قۇرۇلغان. رەھبەرلىرى خايۋوئود قاتارلىقلار. ئاساسىي مەقسىتى: سانائەت ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسىنى ئاساس قىلىپ ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى قۇرۇپ، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇپ، سانائەتنى كونترول قىلىپ، كاپىتالىزمنى يوقىتىشتىن ئىبارەت. 9191 — 9091-يىللاردا كۆپ قېتىم ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا ئىشچىلار ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىش مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. روناق تاپقان مەزگىللىرىدە ئەزالىرى 150 مىڭ ئادەمگە يەتكەن. لېكىن ئانارخوسىندىكالىزمغا مايىل بولۇپ، ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ستېخىيىلىكى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رولىنى تەشەببۇس قىلىپ، سىياسىي ھەرىكەتلەردىن بىزار بولۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۇرۇنغان. 1918-يىلى قوشما شتات ھۆكۈمىتى بىلەن يەرلىك دائىرىلەر «دۆلەت ئامانلىقىغا تەھدىت سالغان» ۋە «جاسۇس» دېگەن جىنايەت بىلەن خايۋوئود قاتارلىق 200 دىن ئارتۇق مۇھىم ئادەملىرىنى قولغا ئالغان. كېيىن ئۈزلۈكسىز زەربە بەرگەن. بۇ تەشكىلات 1924-يىلى ئاساسەن پارچىلىنىپ كەتكەن. 

دۇۋال

  • دۇۋال[يەشمىسى:]Victor Emile Duval ، 1781 — 0481) 1871-يىلدىكى فرانسىيە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ گېنېرالى، بىلانكىچى. قۇيمىچى ئىشچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. قۇيمىچى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كاتىپى ۋە رەئىسى، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال پارىژ ياچېيكىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ كاتىپى بولغان. ئىنتېرناتسىئونال پارىژ ياچېيكىسى ئۈچىنچى قېتىم سوراققا تارتىلغاندا قاماققا ئېلىنغان. 1870-يىلى 4-سېنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن 20-رايونلۇق مەركىزىي كومىتېتى ۋە مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ «دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتى» نىڭ تەسلىمچىلىك سىياسىتىگە پائال تۈردە قارشى تۇرغان. 1871-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى پارىژ ئىشچىلىرى قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھەربىي كوماندىر ۋە كوممۇنىنىك ساقچى ئىدارىسىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي ۋەكىلى بولغان، كېيىن كوممۇنا ئەزاسى ھەمدە ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە ئىجرائىي كومىتېتى ئەزاسى بولغان. 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ۋېرسالغا يۈرۈش قىلغاندا، كالوننا كوماندىرى بولۇپ، ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ، ئىككىنچى كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن.

دۇۋالېر

  • دۇۋالېر[يەشمىسى:]Francois Duvalier، 1791 — 7091) ھايتى زۇڭتۇڭى (1791 — 7591). ھايتى مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. دەسلەپ دوختۇرلۇق قىلغان. 1946-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ دۆلەت ئاممىۋى سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باش تەپتىشى، سەھىيە مىنىستىرى ۋە ئەمگەك مىنىستىرى بولغان. 1950-يىلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ئۆكتىچىلەرگە ئايلىنىپ، مەملىكەت ئىچىدە يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ دوختۇرلۇق قىلغان. 1956-يىلدىكى سىياسىي ئومۇمىي كەچۈرۈمدىن كېيىن، 1957-يىلى ھەربىي قوشۇننىڭ قوللىشى بىلەن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. 1964-يىلى ئۆزىنى ئۆمۈرۋايەتلىك زۇڭتۇڭ دەپ ئاتىغان. ئۇ، ئىستىبدات، تېرورلۇق ھاكىمىيەت تىكلەپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى مەنئى قىلغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلىدە ئىگىلىك خارابلىشىپ، ساۋاتسىزلىق تەخمىنەن 09% كە يەتكەن. ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى جېئان كلۇدۇۋالىئېر (Jean Claude Duvalier، 1951-يىلى تۇغۇلغان) زۇڭتۇڭ بولغان. 

دۆلەت ئاساسى جەمئىيىتى

  • دۆلەت ئاساسى جەمئىيىتى[يەشمىسى:] ياپونىيىدىكى ئوڭ قانات تەشكىلات. 1924-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان. جەمئىيەت باشلىقى خىرانوما. ئەزالىرى نۇرغۇن ئەدلىيە ئەمەلدارلىرى، ئوفىتسېرلار، ئوڭ قانات ئالىملار ۋە مالىيە ساھەسىدىكى مۇھىم كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ياچېيكىسى 170 كە، ئەزالىرى 200 مىڭ كىشىگە يەتكەن. «دۆلەت ئاساسى خەۋەرلىرى» ۋە «دۆلەت ئاساسى» ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، ئاتالمىش ئىدىيە جەھەتتىن تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان، فاشىست ئارمىيە قوماندانلىق شتابى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، خىرانوما ئىچكى كابىنېتىنى تەشكىللەشنى پائال پىلانلىغان. 26-فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن، 3-ئايدا خىرانوما زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، جەمئىيەت باشلىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 6-ئايدا دۆلەت ئاساسى جەمئىيىتى تارقىتىۋېتىلگەن. 

دۆلەت باشلىقى تۈزۈمى

  • دۆلەت باشلىقى تۈزۈمى[يەشمىسى:] لاتىنچە «Principatus» دېيىلىدۇ. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى (مىلادىدىن 27 يىل ئىلگىرى — مىلادى 284-يىلى) دىكى بىر خىل ھۆكۈمرانلىق شەكلى. ئاۋگۇستۇس (ئوكتاۋىئان) ئىمپېراتورلۇق تۈزۈمىنى ئورناتقان چاغدىن باشلانغان. كۆرۈنۈشتە جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى دۆلەت ئاپپاراتى (سېنات، پۇقرالار مەجلىسى، ترىبون ۋە ھەرخىل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار) ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە «دۆلەت باشلىقى» (لاتىنچە Princeps Senatus، مەنىسى «سېنات باشلىقى» ياكى «بىرىنچى پۇقرا») دۆلەتنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. ئەينى زاماندا بەزىلەر ئۇنى جۇمھۇرىيەت نىقابىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنغان پادىشاھلىق تۈزۈمى، دەپ ئاتىغان. ئاۋگۇستۇستىن كېيىنكى ئىمپېراتورلار ئاساسەن مۇشۇ تۈزۈمنى قوللانغان، ئەمما مۇستەبىتلىك ھاكىمىيىتىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە كۈچەيتكەن. مىلادى 284-يىلى دىئوكلېتىئانۇس تەختكە چىققاندىن كېيىن، دېموكراتىيە نىقابىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئاشكارا ھالدىكى پادىشاھلىق مۇستەبىتلىكى («دومىنات تۈزۈمى») نى يولغا قويغان.

دۆلەت سوتسىيال پارتىيىسى

  • دۆلەت سوتسىيال پارتىيىسى[يەشمىسى:] گېرمانىيە دۆلەت سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ قىسقارتىلمىسى، يەنى «گېرمانىيە مىللىي سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى». 

دۆلەت سوتسىيالىزمى

  • دۆلەت سوتسىيالىزمى[يەشمىسى:]1) نېمىسچە Staatssozialismus دېگەن سۆزنىڭ مەنا تەرجىمىسى. دۆلەت ھاكىمىيىتىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنىدىغان بىر خىل بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسى. ئاساسىي ۋەكىللىرى گېرمانىيىدىكى رودبېرتۇس ۋە لاسسال. رودبېرتۇس ئىشچىلارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى — سودا كرىزىسىنىڭ تۈپ سەۋەبى دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ ئىش ھەققىنى تەڭشەش پىلانى ئارقىلىق، ئىشچىلارنى كۈنسايىن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىچىدىن پايدىغا ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلغان. پرۇسسىيە خاندانلىقىنىڭ ئىش ھەققى ئۆلچىمى تۈزۈپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ يەنە ئىنقىلابنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغان بەزى ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىغا قەرز پۇل تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى پومېشچىك ۋە جازانىخورلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرغاندا، ئەمگەكنىڭ «پۈتۈن مەھسۇلاتى» غا ئىگە بولغىلى بولىدۇ، يەر بىلەن كاپىتالنى «دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش» نى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. رودبېرتۇسنىڭ ئىدىيىسى لاسسالغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن. لاسسال «پەقەت دۆلەت ياردەم بەرگەندىلا ئىشچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشىلىغىلى بولىدۇ، بۇ بىر مۇنازىرىلىشىپ بولمايدىغان قانۇن»، «دۆلەتنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپلىرىنى قۇرۇش» سوتسىيالىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ «ئەڭ مۇۋاپىق، ئەڭ تىنچ ۋە ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى» دېگەنلەرنى ئاكتىپ تەرغىپ قىلغان. دۆلەتنىڭ قەرز پۇلىغا تايىنىپ يېڭى جەمئىيەت قۇرۇشنى خام خىيال قىلغان. ئۇلار دۆلەتنىڭ سىنىپىي ماھىيىتىدىن چەتنىگەن. 1872-يىلى مۇنبەر سوتسىيالىزمچىلىرى ئېيزېناختا چاقىرغان گېرمانىيە ئىقتىسادشۇناسلىرى قۇرۇلتىيىدا، بۇنداق ئىدىيىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. (2) نېمىسچە National — Sozialismus دېگەن سۆزنىڭ مەنە تەرجىمىسى، ئەسلى مەنىسىگە بىرقەدەر مۇۋاپىق تەرجىمىسى «مىللىي سوتسىيالىزم» ياكى بۇ سۆزنىڭ نېمىسچە قىسقارتىل-مىسى Nazismus بويىچە تەرجىمىسى «ناتسىستىزم». يەنى گېرمانىيىدىكى فاشىزم. ئۇنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى گىتلېرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابى ۋە ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ «25 نۇقتىلىق پروگراممىسى» دا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئۇنىڭدا گېرمانلار دۇنياغا خوجا بولىدىغان«ئالىي ئىرق»، يەھۇدىيلار يوقىتىشقا تېگىشلىك «پەس ئىرق» دېگەنلەر تەرغىپ قىلىنغان؛ «داھىي پرىنسىپى» (Fuhreprinzip، يەنى بىر تەرجىمىسى «دۆلەت باشلىقى تۈزۈمى») نى يولغا قويۇش، «ئادەتتىن تاشقىرى» مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىش، بارلىق دېموكراتىك ئەركىنلىكلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەرغىپ قىلىنغان؛ مىللىي شوۋىنىزم ۋە قىساسچىلىققا قۇترىتىپ، ئۇرۇش ۋاسىتىسى بىلەن گېرمانىيە ئۈچۈن «ياشاش ماكانى» نى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك، دەپ جار سېلىنغان؛ ماركسىزمغا غالجىرلارچە ھۇجۇم قىلىپ، ماركسىزمنى «يەھۇدىيلارنىڭ نەزەرىيىسى» دەپ ئاتىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «سوتسىيالىزم» نى ماختاپ، «پۇل مۇئامىلە كاپىتالىزمى» نى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، «ئۆسۈمنىڭ قۇللۇققا چۈشۈرۈش» ىنى يوقىتىش قاتارلىق ئالدامچىلىق خاراكتېردىكى شوئارلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان، گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىچكى جەھەتتە تېررورلۇق مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ، سىرتقا قارىتا غالجىرلارچە كېڭەيمىچىلىك-تاجاۋۇزچىلىق قىلىپ، مىللىي سوتسىيالىزمنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ئاشكارىلىغان. 

دۆلەت قانۇنى قامۇسى

  • دۆلەت قانۇنى قامۇسى[يەشمىسى:] «ھەق تەلەپ قانۇنى قامۇسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «يۇستىنىئان قانۇنى»، «قانۇن-تەلىماتلار توپلىمى»، «قانۇن بوسۇغىسى»، «يېڭى پەرمانلار» نىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىلىشى. ۋىزانتىيە پادىشاھى يۇستىنىئان تەختكە چىقىپ ئىككىنچى يىلى، يەنى مىلادى 528-يىلى پەرمان چۈشۈرۈپ تۈزدۈرگەن. قانۇنشۇناس ترىبونىئان (Tribonianus تەخمىنەن ؟ — 545) بۇ ئىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان. ⅩⅡ ئەسىرگە كەلگەندە «دۆلەت قانۇنى قامۇسى» دەپ ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە (1) «يۇستىنىئان قانۇنى» 12 توم بولۇپ، مىلادى Ⅱ ئەسىردىن Ⅵ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئۆتكەن رىم پادىشاھلىرى ئېلان قىلغان ئەمر-پەرمانلار توپلانغان؛ (2) «قانۇن-تەلىماتلار توپلىمى» 50 توم بولۇپ، ئالدىنقى خاندانلىقلار(ئاساسلىقى مىلادى Ⅲ—Ⅱ ئەسىر) دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر قانۇنشۇناسلارنىڭ قانۇننى ئىزاھلىغان ئەسەرلىرى، سۆز-ئىبارىلىرى توپلام قىلىنغان؛ (3) «قانۇن بوسۇغىسى» قانۇن قائىدىلىرى بايان قىلىنغان دەرسلىك ھېسابلىنىدۇ؛ (4) «يېڭى پەرمانلار» بۇنىڭغا مىلادى 534-يىلدىن كېيىن يۇستىنىئان ئېلان قىلغان ئەمر-پەرمانلار كىرگۈزۈلگەن. «دۆلەت قانۇنى قامۇسى» پادىشاھنىڭ ئىرادىسى — قانۇن دېگەننى تەرغىپ قىلىپ، سىنىپىي پەرقنى ئېتىراپ قىلىپ، خۇسۇسىي مۈلۈكنى قوغدىغان. ئەينى ۋاقىتتا قۇللۇق تۈزۈمى كۈنسايىن زاۋالغا يۈز تۇتقانلىقتىن، «يېڭى پەرمانلار» قۇللارنى قويۇپ بېرىشكە يول قويۇپ، ئۇلارنى بېقىندى دېھقانلارغا ئايلاندۇرغان. «دۆلەت قانۇنى قامۇسى» رىم قانۇنلىرىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، يېقىنقى زامان بۇرژۇئا قانۇن سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. 

دۆلەت قوغدىنىش قانۇنى

  • دۆلەت قوغدىنىش قانۇنى[يەشمىسى:] 1921-يىلى يۇگوسلاۋىيە پارلامېنتى ئۆز مەملىكىتىدىكى كومپارتىيىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ماقۇللىغان قانۇن. «ۋېدوۋ ئاساسىي قانۇنى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يۇگوسلاۋىيە پارلامېنتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كوممۇنىستلار تەرىپىدىن سۇيىقەست قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلدى دېگەننى باھانە قىلىپ، 1921-يىل 8-ئاينىڭ 2-كۈنى بۇ قانۇننى ماقۇللاپ، يۇگوسلاۋىيە كومپارتىيىسىنى ئۈزۈل-كېسىل مەنئى قىلىپ، بۇ پارتىيىدىن بولغان 58 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاپ، كوممۇنىستلارغا قارىتا ئەڭ كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللانغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، يۇگوسلاۋىيە كومپارتىيىسى يوشۇرۇن كۈرەشكە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان. 

دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتى

  • دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتى[يەشمىسى:] پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانسىيىدە قۇرۇلغان بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى. 1870-يىلى 4-سېنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن رەسمىي قۇرۇلۇپ، ئىككىنچى ئىمپېرىيىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ ھۆكۈمەتنى جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن مونارخىستلار بىرلىشىپ تەشكىل قىلغان بولۇپ، تروشۇ باشلىق بولغان. پرۇسسىيە ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشتا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ، مېتىس تەسلىمىگە ۋە پارىژنىڭ قاتمۇقات مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان ھەمدە پارىژ خەلقىنىڭ 1870-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋە 1871-يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى ئىككى قېتىملىق قوزغىلىڭىنى ئارقا-ئارقىدىن باستۇرغان. ئۇزاق ۋاقىت مەخپىي سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، 1871-يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنى، پرۇسسىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. 2-ئاينىڭ 13-كۈنى بوردودا چاقىرىلغان مىللىي پارلامېنتتا تيېر باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت سايلىنىپ، دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتى ئاياغلاشقان. 

دۆلەتنى قامال قىلىش پەرمانى

  • دۆلەتنى قامال قىلىش پەرمانى[يەشمىسى:] ياپونىيە ئېدوگاۋا شوگناتىنىڭ چەت ئەللەر بىلەن باردى-كەلدى قىلىش ۋە سودا قىلىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئەمر-پەرمانى. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، غەربىي ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر يەنى پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىقلار ئىلگىرى -كېيىن ياپونىيىگە كېلىپ دىن تارقاتقان ۋە سودا قىلغان. شوگنات دائىرىلىرى شوگنات تۈزۈلمىسىنى مۇستەھكەملەش، خرىستىئان دىنىنىڭ تارقىلىشىنى مەنئى قىلىش، سودىگەرلەرنىڭ كۈچىيىپ كېتىپ بارگاھ بىلەن قارىمۇقارشىلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 1616-يىلى جۇڭگودىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ سودا كېمىلىرىنىڭ پەقەت خروسىما، پىڭخۇ (ھازىرقى خروسىما ناھىيىسى پىڭخۇ ئارىلىنىڭ شىمالىي ئۇچى) دىن ئىبارەت ئىككى پورتتىلا توختىشىنى بەلگىلىگەن. 1624-يىلى شوگنات ئىسپانىيە بىلەن سودا قىلىشنى رەت قىلغان. 1633-يىلى شوگنات «دۆلەتنى قامال قىلىش پەرمانى» نى ئېلان قىلىپ، بارلىق ياپون كېمىلىرى ۋە ياپونلۇقلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىنى قەتئىي مەنئى قىلغان، شۇنداقلا ياپونلۇقلارنىڭ چەت ئەلدىن قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلمىغان، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. 1634-يىلى خروسىمادا چىقىش ئارىلى ياساپ، چەت ئەللىكلەرنى شۇ يەرگە كۆچۈرگەن. 1637-يىلى داۋيۈەن، تيەنساۋ قوزغىلىڭىدىن كېيىن دىن تارقىتىشنى تېخىمۇ قاتتىق مەنئى قىلغان. 1639-يىلى شوگنات پورتۇگالىيىلىكلەرنىڭ ياپونىيىگە كېلىشىنى مەنئى قىلغان، خروسىماغا كېلىدىغان سودا كېمىلىرى جۇڭگو ۋە گوللاندىيە بىلەنلا چەكلەنگەن. 1641-يىلى پىڭخۇدىكى گوللاندىيە سودا سارىيىنى چىقىش ئارىلىغا كۆچۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن دۆلەتنى قامال قىلىش تۈزۈلمىسى ئورۇندالغان. دۆلەتنى قامال قىلىش 200 يىلدىن كۆپرەك داۋاملىشىپ، ياپونىيىنى خەلقئارادا يېتىم ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان. 1853-يىلى «ئەنجېڭ شەرتنامىسى» ئىمزالانغاندىن كېيىن، دۆلەتنى قامال قىلىش تۈزۈلمىسى بۇزۇپ تاشلانغان. 

دۆلەت ئىلمى ئېقىمى

  • دۆلەت ئىلمى ئېقىمى[يەشمىسى:] قانۇن ئىلمىي ئېقىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەيدانغا كەلگەن روسىيىدىكى بۇرژۇئا تارىخ ئېقىمى. ئاساسچىسى چىچېرىن (Борис Николаевич Чичерин، 1828 — 1904). بۇ ئېقىم تارىخىي تەرەققىياتنىڭ قانۇنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان؛ رۇس دۆلىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تەبىئىي شارائىت ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان ھەمدە روسىيە بىلەن غەربىي ياۋروپا تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن؛ دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پائالىيەت روسىيە تارىخىنىڭ ئاساسى دەپ ھېسابلىغان. قانۇن، نىزام قاتارلىق قانۇن چىقىرىشقا دائىر ماتېرىياللارنى توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي ئىشلار تارىخى، دۆلەت ئورگانلىرى تارىخىنى ئالاھىدە تەتقىق قىلىپ، چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت ھەكىمىيەت تۈزۈمىنى كۈچىنىڭ بارىچە بېزەپ كۆرسەتكەن. بۇ ئېقىم بىر مەزگىل ئەۋج ئالغان بولۇپ، تەسىرى ناھايىتى زور بولغان. سېرگېيىۋىچ (В.И.Сергеевич)، گرادوۋىسكىي (А.Д.Градовский)، كليۇچېۋىسكىي قاتارلىق تارىخشۇناسلار ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇ ئېقىمنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرىنى قوبۇل قىلغان. پلېخانوۋمۇ ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 

دۆلەت يارلىقى

  • دۆلەت يارلىقى[يەشمىسى:] 1713-يىلى ئاۋسترىيە ئېلان قىلغان پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىش پەرمانى. ھابىسبۇرگ خان جەمەتىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئاياللارنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى يوق ئىدى. ئاۋسترىيە كورۇلى كارل Ⅵ نىڭ ئوغلى يوق بولغاچقا، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىمپېرىيە زېمىنىنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 1710-يىلى خوجىلىق جايلارنىڭ كىنەزلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، 1713-يىلى بۇ يارلىقنى تۈزۈپ، ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى زېمىنلار بۆلۈنمەيدۇ، مەلىكە مارىيە تېرېزىيە تەخت ۋارىسى بولىدۇ، دەپ جاكارلىغان. يارلىق دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق، ئىمپېرىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەزا دۆلەتلەر ۋە ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ كورۇللىرى (باۋارىيە ۋە فرانسىيىدىن باشقا) نىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، 1724-يىلى دۆلەت پەرمانى سۈپىتىدە رەسمىي ئېلان قىلىنغان. 1740-يىلى كارل Ⅵ ۋاپات بولغاندا، پرۇسسىيە، باۋارىيە، ساكسونىيە ۋە فرانسىيە ئاۋسترىيىگە قارىتا زېمىن قارا نىيىتىدە بولۇپ، بۇ يارلىقنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىپ، ئاۋسترىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

دۆۋە

  • دۆۋە[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ سىللا، كورىيە، لىچاۋ دەۋرلىرىدىكى يەر مەيدانىنى ھېسابلاش بىرلىكى ۋە باج ئۆلچىمى. سىللا دەۋرىدە يەر بىرلىكى دۆۋە دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدا شال ئاساس قىلىنىپ ئون سىقىمى بىر باغلام دېيىلگەن، ئون باغلىمى بىر يۈدۈم دېيىلگەن، يۈز يۈدۈمى بىر دۆۋە دېيىلگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەقتىكى گەپلەر ئوخشاش ئەمەس، تەپسىلىي تەكشۈرۈش تەس. گاۋلى ۋېنزۇڭنىڭ 23-يىلى (1069-يىلى) دىكى يەر ئۆلچەش تۈزۈمىدە بىر دۆۋىلىك يەر ئايلانمىسى 33 قەدەم، ئىككى دۆۋىلىك يەر ئايلانمىسى 47 قەدەم، ئۈچ دۆۋىلىك يەر ئايلانمىسى 57 قەدەم، تۆت دۆۋىلىك يەر ئايلانمىسى 66 قەدەم، بەش دۆۋىلىك يەر ئايلانمىسى 73 قەدەم، ئالتە دۆۋىلىك يەر ئايلانمىسى 80 قەدەم 8 فۇڭ، يەتتە دۆۋىلىك يەر ئايلانمىسى 87 قەدەم 4 فۇڭ، سەككىز دۆۋىلىك يەر ئايلانمىسى 90 قەدەم 7 فۇڭ، توققۇز دۆۋىلىك يەر ئايلانمىسى 99 قەدەم، ئون دۆۋىلىك يەر ئايلانمىسى 104 قەدەم 3 فۇڭ قىلىنغان. كېيىن دۆۋە رايون نامى قىلىنغان.

دۋاراپاتى دۆلىتى

  • دۋاراپاتى دۆلىتى[يەشمىسى:]Dvarapati ياكى Dvaravati) تەخمىنەن مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، مېنلار ھازىرقى تايلاندنىڭ مېنام دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى رايونلاردا قۇرغان دۆلەت. بۇ دۆلەت Ⅶ ئەسىردە كۈچىيىپ، زېمىنى غەربتە ھازىرقى بىرمىنىڭ تېناسسېرىم (Tenasserim) دېگەن جايىغا، جەنۇبتا كرا بوغۇزىغا يەتكەن، پايتەختى تەخمىنەن ھازىرقى تايلاندنىڭ ناكون پاتوم (Nakhon Pathom) شەھىرىنىڭ يېنىدا بولغان. بۇ دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتى ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان ۋە كېيىن كېخمىر ۋە تايلاند مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىگىمۇ ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېنگۇەن يىللىرىدا (946 — 726)، جۇڭگوغا ئىككى قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. Ⅸ—Ⅷ ئەسىرلەردە پايتەختىنى لاۋوغا كۆچۈرۈپ، دۆلەت نامىنى لاۋو قىلىپ ئۆزگەرتكەن. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كېخمىر تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنغان. 

دۋوشاك

  • دۋوشاك[يەشمىسى:]Antonin Dvorak، 4091 — 1481) چېخلىق كومپوزىتور. ساراي ئىگىسى ۋە قاسساپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پراگا ئورگان مەكتىپى (بۈگۈنكى مۇزىكا شۆيۈەنى) دە ئوقۇغان. كېيىن دۆلەت تىياتىرىنىڭ ئوركېستىرىدا ئالتچى بولغان. 1861-يىلى ئىجادىيەت پائالىيىتىنى باشلىغان. كۆپ قېتىم ئەنگلىيىنى زىيارەت قىلغان ھەمدە روسىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ، ئۆز ئەسەرلىرىنى ئورۇندىغان. 1891-يىلى پراگا مۇزىكا شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئىككىنچى يىلى نيۇ-يورك مۇزىكا شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1895-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. 1901-يىلى پراگا مۇزىكا شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغان. چېخ مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى بىلەن، مىللىي مۇزىكىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا تىرىشقان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «توققۇزىنچى سىمفونىيە» يەنى «يېڭى دۇنيا سىمفونىيىسى»، «F ماژورلۇق تار چالغۇلۇق تۆتلۈك مۇزىكا ئەسىرى»، «چېخ مۇزىكىلىرى»، «خۇس مۇقەددىمىسى»، «سلاۋيان تانسا مۇزىكىسى»، «تەبىئەت قوينىدا» ناملىق كىرىش مۇزىكىسى، «ياۋا كەپتەر» ناملىق سىمفونىيە، «ئالۋاستى بىلەن كاجا» ۋە «نەرگىز قىز» ناملىق ئوپېرالىرى بار. 

دۋىن قەدىمكى شەھىرى

  • دۋىن قەدىمكى شەھىرى[يەشمىسى:] كاپكازنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تۆمۈر قورال مەدەنىيىتىنىڭ خارابىلىرىدىن بىرى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەرمېنېيە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارتاشات رايونىدىكى يۇقىرى ئارتاشات كەنتىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قۇرۇلغان، Ⅵ - Ⅴ ئەسىرلەرگە بارغاندا سودا ۋە قول سانائەت مەركىزى بولۇپ قالغان. 1236-يىلى تۈركلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدا ۋەيران قىلىنغان. 1937-يىلى قېزىشقا كىرىشكەن. يۇقىرى شەھەردە Ⅸ ئەسىردىن ⅩⅢ ئەسىرگىچە ئۆتكەن ئەرمەنىستان ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئوردا خارابىسى قېزىپ چىقىلغان. ئۇنىڭ تېگىدە تەخمىنەن 8 مېتر چوڭقۇرلۇقتا Ⅴ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا سېلىنغان ئوردا قۇرۇلۇشىنىڭ خارابىسى قېزىپ چىقىلغان. شەھەرنىڭ مەركىزىي رايونىدا كۆلىمى 62 × 85 مېتر كېلىدىغان چوڭ چېركاۋ، يەنى كاتولىس سارىيى، بىر قىسىم سېپىل ۋە شەھەر دەرۋازىسى، سۇ تۇرۇبىلىرى، تۆمۈرچىلىك كارخانىسى، ئامبار، ھاراق گەمىسى قاتارلىقلار تېپىلغان. يۇقىرى شەھەر بىلەن تۆۋەن شەھەردە يەنە تۇرار جاي، ساپالچىلىق ئۇستىخانىسى، توقۇمىچىلىق ئۇستىخانىسى، زىبۇزىننەت ئۇستىخانىسى ۋە مۇنچا قاتارلىقلار تېپىلغان. شۇنىڭدەك نۇرغۇن تۆمۈر قوراللار تېپىلغان.

دېئاكىن

  • دېئاكىن[يەشمىسى:]Alfred Deakin، 9191 — 6581) ئاۋسترالىيە قوشما شتاتلىرىنىڭ زۇڭلىسى (4091 — 3091، 8091 — 5091، 0191 — 9091). 1856-يىلى ۋىكتورىيە شتاتىدىكى فىسروي (Fitzroy) دېگەن جايدا تۇغۇلغان. مېلبۇرن ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئۆگەنگەن، 1878-يىلى ئادۋوكات بولغان. 1882-يىلى ۋىكتورىيىدە قاتتىق قۇرغاقچىلىق بولغاندا، خانلىق تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1884-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ دېھقانچىلىق سۇغىرىش ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سۇ مەنبەسىنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ قانۇن ماقۇللاتقان. 1891-يىلى ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قوشما شتات قۇرۇلغاندا، ھېنرى پاكىس بىلەن بىرلىكتە دۆلەت نامىنى «ئاۋسترالىيە قوشما شتاتى» قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە قوغدىنىش چېگرا بېجى سىياسىتىنى يولغا قويغان، پېنسىيە پۇلى بېرىشنى بەرپا قىلغان، مۇداپىئە پىلانى تۈزۈپ چىققان. تاشقى ئىشلار جەھەتتە بىرقەدەر مۇستەقىل پوزىتسىيە قوللىنىپ، ئاۋسترالىيىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇئەييەن رول ئوينىغان. «قوشما شتاتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى» دېگەن كىتابىدا، قوشما شتات ھەرىكىتىدىكى شەخسلەر ۋە ۋەقەلەرنى ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلغان. 

دېبورىن

  • دېبورىن[يەشمىسى:]Абрам Моисееич Деборин، 3691 - 1881) سوۋېت ئىتتى-پا- قىلىق پەيلاسوپ. ئۇششاق شەھەر ئاھالىسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. شۋېتسارىيە بېرن داشۆ پەلسەپە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1903-يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1907-يىلى مېنشېۋىكلار تەرەپكە ئۆتكەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئالىي مەكتەپتە پەن تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. جەڭگىۋار ماتېرىيالىزمچىلار جەمئىيىتى ۋە گېگېل دىئالېكتىكا دوستلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. 1929-يىلى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. «ماركسىزم تۇغى ئاستىدا» ژۇرنىلىغا باش تەھرىر (0391 - 6291) بولغان. پەلسەپىنىڭ نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلىرىدە ئىدېئالىزملىق مەيدانىدا تۇرۇپ، مېتافىزىكىلىق تاشقى سەۋەب نەزەرىيىسى ۋە مېخانىزملىق نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلغانلىقتىن 1931-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى (ب) مەركىزىي كومىتېتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى پەلسەپە ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنغان. «ⅩⅧ —ⅩⅦ ئەسىردىكى ماتېرىيالىزم تارىخىي پروگراممىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

دېبىس

  • دېبىس[يەشمىسى:]Engene Victor Debs، 6291 - 5581) ئامېرىكىلىق سوتسىيالىست ۋە سول قانات ئەمگەكچىلەرنىڭ رەھبىرى. ياش ۋاقتىدا تۆمۈريول ئىشچىسى بولغان. 1875-يىلى «پاراۋوز كوچىگارلىرى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى» غا قاتناشقان ۋە شۆبە ئۇيۇشما سېكرىتارى بولغان. 1880-يىلى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان، قوشۇمچە مالىيەنى باشقۇرغان، «كوچىگارلار ژۇرنىلى» نىڭ تەھرىرى بولغان. سانائەت ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىچىلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. 1893-يىلى ئامېرىكا تۆمۈريول ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسىنى تەشكىل قىلغان. ئىككىنچى يىلى پۇرمەن پاراۋوز-ۋاگون زاۋۇتىدىكى ئىشچىلارنىڭ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغاندا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1898-يىلى ئامېرىكا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرغان. 1901-يىلى سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئامېرىكا سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان. باشتىن-ئاخىر زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشنى سىياسىي كۈرەشنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى قىلىپ، سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ نامزاتى سۈپىتىدە زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە بەش قېتىم قاتناشقان. 1918-يىلى ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، سوۋېت روسىيىسىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئون يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. قاماق جازاسى ئۆتەۋاتقاندىمۇ 1920-يىلدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىپ، 900 مىڭدىن ئارتۇق ئاۋازغا ئىگە بولغان. 1921-يىلى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن. ھايات ۋاقتىدا كوممۇنىزمچى بولالمىغان. «فېدېراتىپچىلىق ۋە سوتسىيالىزم» دېگەن ئەسىرى بار. 

دېپرېتىس

  • دېپرېتىس[يەشمىسى:]Agostino Depretis، 7881 — 3181) ئىتالىيىنىڭ باش ۋەزىرى (8781 — 6781، 9781 — 8781، 7881 — 1881). مۇخبىر بولغان. ياش ۋاقتىدا ماززىننىڭ جۇمھۇرىيەتچىلىك تەشەببۇسىنى ھىمايە قىلغان ھەمدە ياش ئىتالىيە پارتىيىسىگە كىرگەن. 1848-يىلى پېئېمونتې پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، جۇمھۇرىيەتچىلىك تەشەببۇسىدىن ۋاز كېچىپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلىدىغان «ھەققانىيەت» گېزىتىنى چىقارغان. 1860-يىلى گارىبالدى سىتسىلىيە ئارىلىغا جازا يۈرۈشى قىلغاندا كىرىسپى باشچىلىقىدىكى دېموكراتچىلار ۋە سىتسىلىيە ئارىلى بىلەن ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ قوشۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان كاۋۇر باشچىلىقىدىكى ھۈرىيەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا قاتراپ يۈرگەن ھەمدە كاۋۇر لۇشيەنىنى كۈچىنىڭ بارىچە ئىجرا قىلغان. 1862-ۋە 1866-يىللاردا ئىككى قېتىم ئىچكى كابىنتقا قاتناشقان. 1873-يىلدىن باشلاپ، پۇل مۇئامىلە-سانائەت بۇرژۇئازىيىسى ۋە چوڭ پومېشچىكلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان «سول قانات» نىڭ باشلىقى بولغان. 1881 — 9781-يىللىرى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىپ، پەيدىنپەي مۆتىدىل پادىشاھپەرەس بولۇپ قالغان. تاشقى جەھەتتە گېرمانىيە ئاۋسترىيە بىلەن يېقىنلاشقان. 1882-يىلى گېرمانىيە ئاۋسترىيە ئىتتىپاقىغا قاتنىشىپ، ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ھەمدە ئافرىقىغا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، مۇستەملىكىلەرنى قۇرۇشقا باشلىغان. 

دې-جىما

  • دې-جىما[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ ناگاساكى پورتىدا سۈنئىي ياسالغان ئارالچە. 4361 - 6361-يىللىرى ياسالغان. ئارالچە يەلپۈگۈچ شەكلىدە بولۇپ، يەر مەيدانى 13100 كۋادرات مېتر كېلىدۇ. ھازىر ناگاساكى شەھەر رايونىنىڭ بىر بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ. 1637-يىلى شىماگا ھارائاماكۇسا قوزغىلىڭىدىن كېيىن ئېدو شوگۇنلىقى ياپونىيىلىكلەرنىڭ چەت ئەللىكلەر بىلەن باردى-كەلدىسىنى چەكلەش ئۈچۈن، پورتۇگالىيە سودىگەرلىرىنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ياپونىيىلىكلەر بىلەن ئۇچرىشىشىنى قەتئىي مەنئى قىلغان. پورتۇگالىيىلىكلەر بىلەن بېرىش-كېلىشنى ئۈزگەندىن كېيىن، 1641-يىلى گوللاندىيىلىكلەرنىمۇ بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ، گوللاندىيە سودا دۇكىنى قۇرغان. تاكى 1855-يىلغىچە گوللاندىيە سودىگەرلىرىنىڭ تۇرالغۇسى بولغان. ھازىرمۇ بۇ يەر پوچتا پرىستانى. 

دېرژاۋىن

  • دېرژاۋىن[يەشمىسى:]Гаврила Романович Державин، 6181 — 3471) روسىيىلىك كلاسسىزملىق شائىر. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. يېكاتېرىنا Ⅱ نىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋېلىش ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىگە قاتناشقان، كېيىن ئوبلاست باشلىقى، ئايال پادىشاھنىڭ كاتىپى ۋە ئالېكساندر Ⅰ دەۋرىدە ئەدلىيە ۋەزىرى بولغان. 1773-يىلى شېئىر يېزىشقا كىرىشىپ رۇس ئىمپېرىيىسىنى مەدھىيىلىگەن، پادىشاھ ۋە ۋەزىرلەرنى ماختىغان. بەزى شېئىرلىرىدا ئوردا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ يامان ئادەتلىرىنى پاش قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «فىزىكا»، «گراف سۇۋروۋنىڭ غالىبىيىتىگە مەدھىيە»، «ۋەزىر»، «گېرتسوگ مىچېلىسكىنىڭ ئۆلۈمى»، «شارقىراتما» قاتارلىقلار بار. 

دېرېفۇس دېلوسى

  • دېرېفۇس دېلوسى[يەشمىسى:] فرانسىيە ھەربىي دائىرىلىرى يەھۇدىي ئوفىتسېر دېرېفۇسقا قارا چاپلىغان دېلو. 1894-يىلى فرانسىيە باش شتابىدىكى ستارشىي لېيتېنانت دېرېفۇس (Alfred Dreyfus، 5391 - 9581) مەخپىي ھەربىي ھۈججەتنى گېرمانىيىگە ساتقان دەپ قارىسىغىلا ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىپ، فرانسىيىگە قاراشلىق گۋىئانادىكى ئالۋاستى ئارىلىغا قاماپ قويۇلغان. ئەكسىيەتچىلەر شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەھۇدىيلارغا قارشى ھەرىكەت قوزغاپ، گېرمانىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى تەرغىپ قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلاشقان، لېكىن فرانسىيە دائىرىلىرى بۇ خاتا دېلونى تۈزىتىشنى رەت قىلىپ، ھەقىقىي جىنايەتچى مايۇر ئەستىكاسنى گۇناھسىز دەپ جاكارلىغان، بۇ ھال ئاممىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. 1898-يىل 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاتاقلىق يازغۇچى زورا «تەۋرەش» گېزىتىدە «مېنىڭ شىكايىتىم» دېگەن جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭىغا يېزىلغان ئوچۇق خەتنى ئېلان قىلىپ، ئادالەتنى ياقلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، فرانسىيىدىكى دېموكراتىك كۈچلەر (درېفۇسچىلار) ئەكسىيەتچى كۈچلەر (درېفۇسقا قارشى تۇرغۇچىلار) كەسكىن كۈرەش قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي كرىزىس پەيدا بولغان. 1899-يىلى قۇدرەتلىك جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن، فرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇ دېلونى قايتا سوت قىلىشقا مەجبۇر بولغان ھەمدە زۇڭتۇڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن پەۋقۇلئاددە كەچۈرۈم قىلىنغان. 1906-يىلى ئالىي سوت مەھكىمىسى درېفۇسنى گۇناھسىز دەپ جاكارلاپ، ئۇنىڭ نامىنى ۋە ھەربىي ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. بۇ دېلو فرانسىيە كاپىتالىستىك جەمئىيىتىنىڭ زۇلمەتلىكلىكىنى ۋە دېموكراتىيىنىڭ ساختىلىقىنى ئاشكارىلىغان. 

دېسامي

  • دېسامي[يەشمىسى:]Theodore Dezamy، 0581 — 3081) فرانسىيىلىك خىيالىي كوممۇنىزمچى. ئوقۇتقۇچىلىقتىن كېلىپ چىققان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى بلانكىچىلارغا تەۋە بولۇپ، تۆت پەسىل جەمئىيىتى قاتارلىق مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتلارغا قاتناشقان. 1840-يىلى «باراۋەرلىك» ژۇرنىلىنى چىقارغان، بېللېۋىللېدىكى تۇنجى قېتىملىق كوممۇنىزم زىياپىتىگە قاتناشقان. 1848-يىلدىكى ئىنقىلابتا «كىشىلىك ھوقۇقى. پرولېتارلار مۇنبىرى» گېزىتىنى چىقارغان، بلانكىچىلارنىڭ مەركىزىي جۇمھۇرىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇ بابېفچىلىق ئەنئەنىسىنى فۇريېنىڭ خىيالىي سوتسىيالىزمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كوممۇنانى ئاساسىي ئىگىلىك بىرلىكى قىلغان كوممۇنىزم جەمئىيىتى غايىسىنى، يەنى: مۈلۈك ئومۇمنىڭ ئىختىيارىدا بولغان، ئورتاق ئەمگەك قىلىدىغان، مائارىپ ئومۇملاشتۇرۇلغان غايىنى تەسۋىرلىگەن. ئۆتكۈنچى دەۋردە ئىنقىلابىي دىكتاتۇرا ئورنىتىش، بايلارنى ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش ھەمدە قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى باستۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ بلانكىغا ئوخشاشلا سانائەت پرولېتارىياتى بىلەن ئادەتتىكى ئەمگەكچى خەلقنى پەرقلەندۈرمىگەن. «ئومۇمىي قانۇن» ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

دېسمۇلىن

  • دېسمۇلىن[يەشمىسى:]Camille Desmoulins، 4971 - 0671) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى سىياسىي پائالىيەتچى. سودىيە ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئادۋوكات ۋە مۇخبىر بولغان. ئاقارتىش ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان. 1789-يىل 7-ئاينىڭ 12-كۈنى رۇيار سارىيىدا ئاممىغا نۇتۇق سۆزلەپ، خەلقنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىرغان ھەمدە ئاممىنى باشلاپ باستىلىيە تۈرمىسىگە يۈرۈش قىلغان. «فرانسىيە ئىنقىلابى ۋە بىرابانت ئىنقىلابى» دېگەن كىتابچىنى يېزىپ چىققان. دەسلەپتە كولدېرى كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى بولغان، كېيىن ياكۇبىنچىلار كۇلۇبىغا كىرگەن. 1792-يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندىن كېيىن ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باش كاتىپى بولغان. 9-ئايدا مىللىي ئۇيۇشمىغا قاتناشقان. بۇلىسونىڭ ئۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، گىروندىچىلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان؛ لېكىن ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرا يۈرگۈزگەن چاغدا دەنتون قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە چوڭ بۇرژۇئازلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشقا بۇرۇلۇپ، «كەڭچىلىك قىلغۇچىلار» نى تەشكىللىگەن. «كونا كولدېرى» گېزىتىنى چىقارغان، تېررورلۇق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، «كەچۈرۈم قىلىش ھەيئىتى» نى تەسىس قىلىشنى، گۇمانلىق ئۇنسۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 1794-يىلى 4-ئايدا دەنتون بىلەن بىللە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

دېسىدېرى

  • دېسىدېرى[يەشمىسى:]Desiderius) لومباردىيىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى (757 — 774). تەختتە ئولتۇرغان چاغدا ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا زېمىنىنى كېڭەيتكەچكە پاپا بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. فرانكونىيە كورۇلى چارلىس (كېيىنكى كۈنلەردىكى ئىمپېراتور چارلىس) پاپانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مىلادى 773-يىلى قوشۇن باشلاپ، ئالىپ تېغىدىن ئېشىپ، ئىككىنچى يىلى پاۋىيا شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، لومباردىيە پادىشاھلىقىنى يوقاتقان ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى فرانكونىيىگە قوشۇۋەتكەن. دېسىدېرى ئەسىرگە چۈشۈپ، فرانكونىيىدىكى بىر موناستىردا تا ئۆلگەنگە قەدەر قامالغان. 

دېشۇ ئوردىسى

  • دېشۇ ئوردىسى[يەشمىسى:] چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى خان ئوردىسى. چىڭيون ئوردىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سېئۇلدا. ئەسلى چىڭزۇڭنىڭ يۇەن يۆشەندىكى خۇسۇسىي قەسىرى. ھازىرقى قۇرۇلۇشلار لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ياۋروپا مەدەنىيىتى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن تاش بىلەن ياسالغان ئوردا بولۇپ، بۇ، چاۋشيەندە ئەڭ بالدۇر سېلىنغان ياۋروپاچە ئوردا قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. 1907-يىلى گاۋزۇڭ خان تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغاندىن تا ۋاپات بولغىچە مۇشۇ ئوردىدا تۇرغاچقا، دېشۇ ئوردىسىدىكى لى تەيۋاڭ دەپ ئاتالغان. 1934-يىلى باغچە قىلىپ ئېچىلغان. 

دېفو

  • دېفو[يەشمىسى:]Daniel Defoe، 1660 — 1731) ئەنگلىيىلىك يازغۇچى. سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلىپىدە ئىلاھىيەتنى ئوقۇغان، كېيىن سودىگەر بولۇپ كەتكەن. 1685-يىلى پۇرىتانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. ۋىليام Ⅲ دەۋرىدە تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدار بولغان. دەسلەپكى يىللىرىدا ھېكايە، شېئىر يېزىپ، فېئودال مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇپ، كاپىتالىستىك سودا-سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، شۇ سەۋەبتىن كۆپ قېتىم قاماق جازاسى بېرىلگەن. كېيىنكى يىللىرىدا دېڭىزدا خەتەرگە يولۇقۇش ھېكايىلىرى، سەرگەردانلار ھەققىدىكى ھېكايىلەر ۋە تارىخىي رومانلارنى يېزىپ داڭق چىقارغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرى «روبېنزوننىڭ كەچۈرمىشلىرى» دە، كاپىتالنىڭ ئىپتىدائىي جۇغلىنىش دەۋرىدىكى بۇرژۇئازىيىنىڭ تەۋەككۈلچىلىك بىلەن ئالغا ئىنتىلىش روھى مەدھىيىلەنگەن. يەنە «پاراخوت باشلىقى سىنگرتون»، «مۇر فراندىس»، «چوڭ ۋابا يىلىدىكى خاتىرە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

دېكارت

  • دېكارت[يەشمىسى:]Rene Descartes، 0561 — 6951) فرانسىيىلىك پەيلاسوپ، تەبىئىي پەن ئالىمى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كىچىكىدە لاۋلىش خرىستوس چېركاۋى مەكتىپىدە ۋە پۇۋاتىئېي داشۆسىدە ئوقۇغان. ئارمىيىدە ئۇزاق مۇددەت خىزمەت قىلغان. 1629-يىلدىن 1649-يىلغىچە گوللاندىيىدە تەركىيدۇنيا بولۇپ ياشاپ، ئەسەر يېزىشقا بېرىلگەن. 1649-يىلى شۋېتسىيە كورۇلىۋاسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ستوكھولمغا كەلگەن، ئىككىنچى يىلى شۇ يەردە ۋاپات بولغان. فىزىئولوگىيە، پسىخولوگىيە، ئوپتىكا، ئاقار يۇلتۇزلار ئىلمى، ئالگېبرا ۋە ئانالىتىك گېئومېترىيە توغرىسىدىكى ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە مەخسۇس ئەسەرلىرى بولۇپ، دېكارت كوئوردىناتى ۋە دېكارت ئەگرى سىزىقىنى كەشپ قىلغان، ئادەتتە ئانالىتىك گېئومېترىيىنىڭ ئاساسچىسى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ مەدرىس پەلسەپىسىنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل چۆرۈپ تاشلاپ، ماتېماتىكىدىكى خاتاسىز ئېنىق چۈشىنىلگەن قائىدىنى ئاساس قىلىپ مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلىنى پەلسەپە تەتقىقاتىدا قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ «ئومۇميۈزلۈك گۇمانلىنىش» نى تەرغىپ قىلغان، ئۇنىڭ مەشھۇر سۆزى «مەن پىكىر قىلىۋاتىمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇتمەن» دىن روھىي سۇبيېكت مەۋجۇت دەپ قارايدىغانلىقىنى قىياس قىلغىلى بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماددىي دۇنيانىڭ ئوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. بىرىنچى قېتىملىق سىرتقى كۈچنىڭ تۈرتكىسىدىن كېيىن ماددا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلىنىدۇ (مېخانىك ھەرىكەت)، دەل مۇشۇنداق ھەرىكەتلا ماددىنىڭ كۆپ خىللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ پەلسەپىسى زىددىيەتكە تولغان ئىككى مەنبەلىك نەزەرىيىسى ۋە ئىدېئالىستىك نوقۇل ئەقلىيلىك بولۇپ، ئۇنىڭ مېتودولوگىيىسىدە ئەقلىيلىك ۋە لوگىكىلىق خۇلاسە تەكىتلىنىپ، تەجرىبىگە سەل قارالغان. «مېتودولوگىيە»، «مېتافىزىكىلىق خىيال»، «پەلسەپە قائىدىسى» دېگەندەك ئاساسىي ئەسەرلىرى بار. 

دېكېبالۇس

  • دېكېبالۇس[يەشمىسى:]Decebalus، تەخمىنەن ؟ — 106) داكىيىلىكلەرنىڭ رەھبىرى (خانى). مىلادى 86 — 90-يىللىرى رىم پادىشاھى دومىتيەن داكىيە (بۈگۈنكى رومىنىيە رايونى) گە ئالدى بىلەن ئەسكەر چىقىرىپ، ئاندىن شەخسەن ئۆزى جازا يۈرۈشى قىلغان. لېكىن داكىيە ئۇنى كۆپ قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتقان؛ رىم چېگرىسى خەۋپ ئاستىدا قالغاندا، ئىزا-ئاھانەتكە قالىدىغان سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان. سۈلھ شەرتنامىدە: داكىيىگە ئاشلىق ۋە نەق پۇل بېرىش ھەمدە رىمدىكى قول سانائەت ئۇستىلىرىنى داكىيىگە ئىشلەشكە ئەۋەتىش، دەپ بەلگىلەنگەن. پادىشاھ تراجان تەختتە ئولتۇرغان چاغدا، 101 — 106-يىللىرى داكىيىگە ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئاخىر مەغلۇپ بولۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. داكىيە شۇنىڭ بىلەن رىمنىڭ بىر مەمۇرىي ئۆلكىسىگە ئايلانغان.

دې گاسپېرى

  • دې گاسپېرى[يەشمىسى:]Alcide de Gasperi، 1881 — 1954) ئىتالىيە زۇڭلىسى (1945 — 1953). ترانتىنو (شۇ چاغدا ئاۋسترىيىگە قارىغان)دا تۇغۇلغان. ۋېنا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. دەسلەپتە ئاۋسترىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ترانتىنونى ئىتالىيىگە قايتۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىتالىيە خەلق پارتىيىسىنى قۇرۇش ئىشىغا قاتناشقان. 1921-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1926-يىلى فاشىست ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن. كېيىن مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن. 1931-يىلدىن باشلاپ، ۋاتىكان كۇتۇپخانىسىدا ئىشلىگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كاتولىك دىنى دېموكراتلار پارتىيىسىنى تەشكىل قىلىپ، فاشىستلارغا قارشى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1944 — 1945-يىللىرى بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. زۇڭلى بولغان مەزگىلدە ئامېرىكا ۋە غەربىي ياۋروپا بىلەن بىرلىشىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان.

دېگولل

  • دېگولل[يەشمىسى:]Charles Andre Joseph Marie de Gaulle، 1890 — 1970) فرانسىيىنىڭ زۇڭتۇڭى (1959 — 1969). 1911-يىلى سېن-شېر ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەربىي سەپكە قاتناشقان. ئۇرۇشتا يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشكەن. ئۇرۇشتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. 1920 — 1921-يىللىرى فرانسىيە ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىللە پولشاغا بارغان. كېيىن سېن-شېر ھەربىي مەكتىپىدە ھەربىي تارىخ ئوقۇتقان ھەم-دە پېتاين شتابىدا خىزمەت قىلغان. 1934-يىلى «كەلگۈسىدىكى ئارمىيە»نى نەشىر قىلدۇرۇپ برونوۋىك قىسىملىرىنىڭ يېڭى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى رولىنى ئالدىنئالا مۆلچەرلىگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، 1940-يىلى 5-ئايدا 4-برونىۋىك دىۋىزىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان ۋە ئالدىنقى سەپتە گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئاكتىپ زەربە بەرگەن. 6-ئايدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. فرانسىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن لوندوندا «ئەركىن فرانسىيە» (كېيىن «جەڭگىۋار فرانسىيە» قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن)ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، داۋاملىق قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1943-يىلى 6-ئايدا فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان.1944-يىلى 6-ئايدا فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى فرانسىيىنى ئازاد قىلىش ۋە فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قىلىشىغا تۆھپە قوشقان. 1946-يىلى 1-ئايدا ھاكىمىيەت بېشىدىن چۈشكەن. ئىككىنچى يىلى فرانسىيە خەلق ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلىپ، ئۇنىڭ رەئىسى بولغان. 1953-يىلى بۇ تەشكىلات تارقىتىلىپ يېزىغا كەتكەن. 1958-يىلى 6-ئايدا زۇڭلى بولۇپ، زۇڭتۇڭنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىدىغان يېڭى ئاساسىي قانۇننى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ يىلى 12-ئايدا فرانسىيە بەشىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تاشقى سىياسەتنى يۈرگۈزگەن، «يادرو سىنىقىنى قىسمەن چەكلەش»شەرتنامىسىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان؛ شىمالىي ئاتلانتىك ھەربىي ئىشلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئورگىنىدىن چىقىپ كەتكەن؛ ئۈچىنچى دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىشىغا ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئوتتۇرا شەرق، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەللەرنى زىيارەت قىلغان؛ 1964-يىلى فرانسىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورناتقان. 1968-يىلى فرانسىيىدە «ماي بورىنى» پارتلىغان. ئىككىنچى يىلى 4-ئايدا پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشىدە مەغلۇپ بولۇپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. «چاقىرىق»، «ئىتتىپاقلىق»، «قۇتقۇزۇش»، «ئۈمىد» قاتارلىق ئەسلىمىلەرنى يازغان.

دېگېيتېر

  • دېگېيتېر[يەشمىسى:]Pierre Degeyter، 1848 — 1932)فرانسىيىلىك ئىشچى كومپوزىتور. «ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى»مۇزىكىسىنىڭ ئاپتورى. بېلگىيىنىڭ گېنت شەھىرىدە ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، كېيىن ئائىلىسى بىلەن فرانسىيىنىڭ لىلغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. يەتتە ياش ۋاقتىدىلا زاۋۇتقا كىرىپ ئىشلىگەن. 1871-يىلى 3-ئايدا پارىژغا ئىنقىلابقا قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا، يولدا پرۇسسىيە قوشۇنى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ مۇرادىغا يېتەلمىگەن. «ئىشچىلار ئادالىتى» قاتارلىق ئىشچىلار ئومۇمىي خور ئۆمىكىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1888-يىلى 6-ئايدا پوتىئېرنىڭ شېئىرىنى «ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى» قىلىپ نوتىلاشتۇرغان. 1920-يىلى فرانسىيە كومپارتىيىسىگە قاتناشقان. 1928-يىلى تەكلىپكە بىنائەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولغان ھەمدە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 6-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ يەنە «ئالغا! ئىشچىلار سىنىپى»، «كوممۇنا ئەزاسى»، «قوزغىلاڭچى» ناملىق ئەسەرلىرى بار.

دېڭىز بوغۇزىدىكى مۇستەملىكىلەر

  • دېڭىز بوغۇزىدىكى مۇستەملىكىلەر[يەشمىسى:] ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇستەملىكىلىرى. 1786-يىلى ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى كېتا سۇلتانلىقىدىن پىناڭنى ئىشغال قىلىۋالغان (1791-يىلى رەسمىي بۆلۈۋالغان)، 1800-يىلى يەنە ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدىكى كېتا دېڭىز قىرغىقىدىن نۇرغۇن يەرنى ئېلىۋېلىپ، ئۇنى ۋېللېسلېي (Wellesley) ئۆلكىسى دەپ ئاتىغان. 1805-يىلى پىناڭ (جۈملىدىن ۋېللېسلېي ئۆلكىسى) شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ تۆتىنچى چوڭ باشقۇرۇش رايونى قىلىنغان. 1824-يىلى شەرقىي ھىندىستان شىركىتى يەنە سىنگاپور بىلەن مالاككاغا ئىگە بولۇۋالغان، 1826-يىلى ئۇنى پىناڭ باشقۇرۇش رايونى بىلەن قوشۇپ دېڭىز بوغۇزى مۇستەملىكىسى قىلىۋالغان. 1830-يىلى دېڭىز بوغۇزى مۇستەملىكىسى بېنگال باش ۋالىيسى باشقۇرۇشىدىكى ئەمەلدار قويۇپ باشقۇرىدىغان رايون قىلىنغان، 1851-يىلى ئەنگلىيە-ھىندىستان باش ۋالىيسىغا قارايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن، 1867-يىلى ئەنگلىيە خان جەمەتى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان مۇستەملىكە قىلىنغان. پايتەختى ئەسلىدە پىناڭدا بولغان. 1832-يىلى سىنگاپورغا كۆچۈرۈلگەن، ئۇنى باش ۋالىي باشقۇرغان. ئۇنىڭ قول ئاستىدا مەمۇرىي يىغىن ۋە قانۇن تۈزۈش يىغىنى تەسىس قىلىنغان؛ باش ۋالىي قوشۇمچە باش قوماندان بولغان ھەمدە پۈتكۈل ئەنگلىيە تەۋەسىدىكى مالايانىڭ ئالىي ئەمەلدارى بولۇپ، بىۋاسىتە ئەنگلىيە مۇستەملىكە ئىشلىرى ۋەزىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولغان. كېيىن كوكوس تاقىم ئارىلى، خرىستاس ئارىلى، لابوئان ئارىلىنى قوشۇۋالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە ئىشغال قىلىۋالغان. 1946-يىلى پارچىلانغان. سىنگاپور ئۆز ئالدىغا ئەنگلىيە پادىشاھلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق مۇستەملىكە بولغان، 1963-يىلى مالاياغا تەۋە بولغان، 1965-يىلى مۇستەقىل بولۇپ، سىنگاپور جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان؛ پىناڭ بىلەن مالاككا مالايا ئىتتىپاقىغا كىرگەن، 1948-يىلى يەنە مالايا قوشما شتاتىغا تەۋە بولغان، 1963-يىلى مالايانىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان؛ لابۇئان ئارىلى شىمالىي بورنېئو شتاتى (ھازىرقى ساباھ)غا تەۋە بولغان. كوكوس تاقىم ئارىلى ۋە خرىستاس ئارىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاۋسترالىيىگە تەۋە بولغان.

دېڭىز شىرى پىلانى

  • دېڭىز شىرى پىلانى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە تۈزگەن ئەنگلىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئۇرۇش قىلىش پىلانى. 1940-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى فرانسىيە تەسلىم بولغان. 7-ئاينىڭ 16-كۈنى گىتلېر «دېڭىز شىرى ئۇرۇشى پىلانى» توغرىسىدىكى 16-نومۇرلۇق بۇيرۇقنى جاكارلاپ، ئەنگلىيىگە قارىتا قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭىنى قوزغاشنى قارار قىلغان. بۇ بۇيرۇقتا 25 — 40 دىۋىزىيە ئەسكەر چىقىرىپ ئەنگلىيىدىكى رومىسگىتتىن ۋىگىت ئارىلىنىڭ غەربىگىچە بولغان كەڭ سەپتە بىرلا ۋاقىتتا قۇرۇقلۇققا چىقىپ ھۇجۇم قىلىش، 8-ئايدا تەييارلىق قىلىپ بولۇش پىلانلانغان. گېرمانىيە ھەربىي ئىشلار باش ئەمەلدارى بۇيرۇق بويىچە كونكرېت ئۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىققان. گېرمانىيىدە كەڭ كۆلەمدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئۇرۇش قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان يېتەرلىك دېڭىز ئارمىيىسى، ھاۋا ئارمىيىسى كۈچى كەم بولغانلىقتىن، دېڭىز شىرى پىلانى قايتا-قايتا كېچىكتۈرۈلگەن ۋە ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇلمىغان.

دېڭىز قاتنىشى نىزامى

  • دېڭىز قاتنىشى نىزامى[يەشمىسى:] ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى جاكارلىغان دېڭىز قاتناش ئىشلىرى ۋە تاشقى سودىنى مۇكاپاتلاش يولىدىكى بىر قاتار ئەمر-پەرمانلارنىڭ ئومۇمىي نامى. ئەڭ ئاۋۋالقى پەرماننى چارلېس Ⅱ 1381-يىلى جاكارلىغان، كېيىن بىرنەچچە قېتىم بىكار قىلىنىپ، بىرنەچچە قېتىم قايتا تۈزۈلگەن. 1651-يىلى 10-ئايدا ۋەھشىي پارلامېنت جاكارلىغان پەرماندا: ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنى پەقەت ئەنگلىيە پاراخوتلىرىنىڭ ياكى مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت پاراخوتلىرىنىڭ توشۇشىغىلا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنى پەقەت ئەنگلىيە پاراخوتلىرىنىڭ توشۇشىغىلا رۇخسەت قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدا گوللاندىيىنىڭ خەلقئارا سودىدىكى ۋاسىتىلىك رولىنى چەتكە قېقىش مەقسەت قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن 1652-يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە-گوللاندىيە ئۇرۇشى كېلىپ چىققان. گوللاندىيە ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، بۇ نىزامنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئارقا-ئارقىدىن 1660-، 1663-،1672-، 1692-يىل پەرمانلىرىنى جاكارلاپ، مۇستەملىكىلەردىكى سودىنى مونوپول قىلىپ، مۇستەملىكىلەرنىڭ سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇشىنى چەكلىگەن. 1665-يىلى ئىككىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە-گوللاندىيە ئۇرۇشى پارتلاپ، ئەنگلىيە يېڭىلگەندىن كېيىن، نىزام سەل كەڭرەك بولغان. 1849-يىلى، ئەركىن سودا سىياسىتى يولغا قويۇلۇش ئارقىسىدا، بۇ نىزام بىكار قىلىنغان. بۇ سودا ھىرىسلىقى سىياسىتىنىڭ بىر مۇھىم ھالقىسى بولۇپ، ئەنگلىيىدە كاپىتالىزمنىڭ راۋاجلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن.

دېڭىز قەلەندەرلىرى

  • دېڭىز قەلەندەرلىرى[يەشمىسى:] «قەلەندەر» دېگەن سۆز فرانسۇزچە gueux دىن كەلگەن. ⅩⅥ ئەسىردىكى نېدىرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى «دېڭىز پارتىزانلىرى»نىڭ لەقىمى. ئۇ ئاساسەن ماتروسلار، بېلىقچىلار، پرىستان ئىشچىلىرى ۋە چەت ئەللەردە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان گالۋىنچى ئاقسۆڭەكلەردىن تەركىب تاپقان. ئۇلار دائىم كىچىك كېمىلەرنى ھەيدەپ كېلىپ ئىسپانىيە پاراخوتلىرى ۋە ترانسپورت كېمىلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىسپانىيە بىلەن نېدىرلاندىيە ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز قاتناش لىنىيىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان ھەمدە ئىسپانىيىنىڭ نېدىرلاندىيە دېڭىز بويىدىكى تايانچ پونكىتلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. 1572-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بىر قىسىم دېڭىز قەلەندەرلىرى سېللاند ئارىلىدىكى بريېللې (Brielle) شەھىرىنى ئىشغال قىلغان، بۇ ھال نېدىرلاندىيىنىڭ شىمالىدىكى ئۆلكىلەردىكى چوڭ قوزغىلاڭنىڭ سىگنالى بولۇپ قالغان.

دېڭىز قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى

  • دېڭىز قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى[يەشمىسى:] قىسقارتىلىپ «دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى»دەپ ئاتىلىدۇ. پارىس قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا تەشكىلاتى. 1981-يىلى 5-ئايدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئومان، بەھرەيىن، قاتار، كۈۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق ئالتە دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ نىزامنامىسىنى ئىمزالاپ، قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئاساسىي پائالىيىتى: ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي بىر گەۋدە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ مالىيە، سودا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش؛ نېفىت سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش؛ ھەربىي جەھەتتە زىچ ھەمكارلىشىش؛ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىدىن تەركىب تاپقان ئالىي مۇدىرىيەت ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان، ئۇنىڭدىن باشقا مىنىستىرلار مۇدىرىيىتى ۋە باش كاتىبات باشقارمىسى تەسىس قىلىنغان. باش ئاپپاراتى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى رىيادتا.

دېلپئى ئوراكلې

  • دېلپئى ئوراكلې[يەشمىسى:] «ئوراكلې»غا قاراڭ.

دېلچېۋ

  • دېلچېۋ[يەشمىسى:]Георгий Тоде Делчев، 1872 — 1907) بۇلغارىيىلىك ئىنقى- لابىي دېموكرات. ماكېدونىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. قول سانائەتچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. سوفىيە ھەربىي داشۆسىدە ئوقۇغان، ئىنقىلابىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپ تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1894-يىلى ماكېدونىيىگە قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. «ماكېدونىيە-ئادرىيانوپول ئىچكى ئىنقىلابىي تەشكىلاتى»غا قاتنىشىپ مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ھەمدە چەت ئەلدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىل بولغان. كۈرەش داۋامىدا، بالقان پادىشاھلىقىنىڭ ماكېدونىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنغانلىقىدەك سۇيىقەستنى پاش قىلغان. قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش، يەرلىك ئىنقىلابىي كومىتېت ۋە پارتىزانلار ئەترىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن ماكېدونىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. 1903-يىلى 5-ئايدا تۈركىيە لۈكچەكلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

دېلفى

  • دېلفى[يەشمىسى:]Delphoi ياكى Delphi) قەدىمكى يۇنان شەھىرى. ئورنى فوسىس (Phocis) چېگرىسى ئىچىدە، ئاپوللون ئىبادەتخانىسى ۋە ئوراكلې («مۇقەددەس جاي») تۇرۇشلۇق جاي. بۇ ئىبادەتخانىدىكى ئايال كاھىن پىتىيە (Pytia) ئۆزىنىڭ ۋەھىي، بېشارەت، پاللىرى بىلەن داڭلىق. دېلفى شەھىرىنى دەسلەپ دورىئان كۆچمەنلىرى بەرپا قىلغان. شەھەر پارناسۇس (Parnasus) تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، دېلفى پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ مەركىزىي («يەر-زېمىننىڭ كىندىكى»)دەپ قارالغان. ئاپوللون ئىبادەتخانىسى شەھەرنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅶ ئەسىردە قۇرۇلغان، كېيىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن؛ جايلارنىڭ ياردىمى بىلەن يېڭىباشتىن كېڭەيتىپ قۇرۇلغان، ئۇ ھەيۋەتلىك دورىئانچە قۇرۇلما بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئويما ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى بار. ئىبادەتخانا جايلارنىڭ سەدىقىسى ۋە ئىنئامىنى قوبۇل قىلىپ ناھايىتى نۇرغۇن بايلىق توپلىغان، ئۇنى ھەرقايسى شەھەرلەردىن تەشكىل قىلىنغان «يېقىن قوشنىلار ئىتتىپاقى» قوغدىغان. ئاپوللوننىڭ زەھەرلىك ئەجدىھا پىتىئۇمنى (Pythium) يەڭگەنلىكىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ يەردە پۈتۈن يۇنان بويىچە تەبرىكلەش بايرىمى — «پىتىئۇم بايرىمى» ئۆتكۈزۈلگەن، ئۇنىڭدا مۇزىكا ۋە تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر بولغان. شەھەردە ئاقسۆڭەك دوكالار ھۆكۈمرانلىقى يولغا قويۇلغان، يۇقىرى ئەمەلدارلار، كاھىنلار ۋە سىناتنىڭ ئەزالىرى (ئادەم سانى چەكلىك)نىڭ تولىسى دورىئان ئاقسۆڭەكلىرىدىن بولغان. يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە سېرېس شاھ ئەسكەر ئەۋەتىپ فۇسىسقا بېسىپ كىرگەن (مىلادىدىن ئىلگىرى 480)، دېلفىلارنىڭ ئېيتىشىچە، تاجاۋۇزچىلار قوشۇنى خۇدا ئاپوللون تەرىپىدىن «قوغلاپ چىقىرىل- غان». مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، فۇسىس ھۆكۈمرانلىرى ئىبادەتخانا مۈلكىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، تېبېس قاتارلىق باشقا يۇنان شەھەرلىرى بىلەن «مۇقەددەس ئۇرۇش» قىلغان (فۇسىس يېڭىلگەن)؛ بۇ ئىش ماكېدونىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅱ نىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشىغا پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بەرگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي يۇناننىڭ ئۆز زېمىنى (جۈملىدىن دېلفى) ماكېدونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يەنە رىم زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، رىم ئىمپېراتورى تېئودوس خرىستىئان دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ بېكىتىپ، كونا ئەنئەنىۋى دىنلار ۋە ۋەھىنى مەنئى قىلىشنى بۇيرۇغان؛ شۇنىڭ بىلەن دېلفىنىڭ گۈللەنگەن ئەھۋالى تەدرىجىي ھالدا تارىخىي ۋەقەگە ئايلىنىپ قالغان.

دېلكاسسېي

  • دېلكاسسېي[يەشمىسى:]Theophile Delcasse، 1852 — 1923) فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1898 — 1905، 1914 — 1915). دەسلەپتە مۇخبىر بولغان. 1889-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1894 — 1895-يىللىرى مۇستەملىكلەر مىنىستىرى بولغان. 1898-يىلدىن ئېتىبارەن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. مەخپىي دىپلوماتىيىنى يولغا قويۇش بىلەن داڭق چىقارغان. فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك مەنپەئىتىنى پائال قوغداپ، ئافرىقىدىكى تەسىر دائىرىسىنى بۆلۈشۈۋېلىشقا قاتناشقان؛ فرانسىيە-روسىيە ئىتتىپاقىنى تىرىشىپ مۇستەھكەملەپ، ئەنگلىيە، ئىتالىيە دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، گېرمانىيىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرغان. بىرىنچى قېتىملىق مەراكەش كرىزىسى بولغاندا، قاتتىق پوزىتسىيە تۇتقانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1911 — 1913-يىللىرى دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. 1913 — 1914-يىللىرى روسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يەنە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ، روسىيىگە يېقىنلىشىپ، ئەنگلىيە بىلەن بىرلىشىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويغان. 1915-يىلى سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان.

دېلوس ئىتتىپاقى

  • دېلوس ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] بىرىنچى قېتىملىق ئافىنا دېڭىز ئىتتىپاقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئافىنا بىلەن قەدىمكى يۇناننىڭ بىر قىسىم شەھەر دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئىتتىپاق. يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى جەريانىدا، پېرسىيىنىڭ قايتىدىن بېسىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پېرسىيىنى ئۈزۈل-كېسىل يېڭىش ئۈچۈن، ئارىستدېسنىڭ تەشەببۇس قىلىشى ئارقىسىدا مىلادىدىن 478 يىل ئىلگىرى ئافىنانىڭ باشچىلىقىدا يۇنان زېمىنى ۋە ئېيگې دېڭىزى رايونىدىكى بىر تۈركۈم شەھەر دۆلەتلىرى بىرلىشىپ، بۇ ئىتتىپاقنى تۈزگەن. ئۇ تېز زورىيىپ، ئىتتىپاققا كىرگەن شەھەر دۆلەتلىرى تەخمىنەن 200 گە يەتكەن (پېلوپوننېسوس ئىتتىپاقىدىكى شەھەر دۆلەتلىرى قاتناشمىغان). ئىتتىپاقنىڭ ئورنى ۋە خەزىنىسى دېلوس (Delus) ئارىلىدىكى ئاپوللون ئىبادەتخانىسىدا تەسىس قىلىنغانلىنى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. دەسلەپتە ئىتتىپاققا قاتناشقان ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئورنى باراۋەر بولۇپ، كۈچىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ مۇئەييەن ساندا كېمە، ئەسكەر ۋە مەبلەغ چىقارغان، ئەمما تەشكىللەپ باشقۇرۇش ۋە فلوتقا قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقى ئافىناغا مەنسۇپ بولغان. ئافىنا مۇشۇ ھوقۇققا تايىنىپ، يەنە باشقا ئەللەرنىڭكىگە قارىغاندا كۈچلۈك بولغان دېڭىز فلوتىنى ئارقا تىرەك قىلىپ، ئىتتىپاققا قاتناشقان باشقا ئەللەرنى تەدرىجىي ھالدا تىزگىنلەپ، ئەمەلىيەتتىكى ئىتتىپاق باشلىقىغا ئايلانغان. ئۇ خەزىنىسىدىكى نۇرغۇن پۇل ۋە ئىتتىپاقداش ئەللەر ھەر يىلى تاپشۇرىدىغان مەبلەغ (500 تالانتون ئۆپچۆرىسىدە) گە خالىغىنىچە ئىگىدارچىلىق قىلغان. ھەتتا ئۇنى يۇتۇۋېلىپ بۇزۇپ چاچقان، ئەگەر باشقىلار ئۇنىڭغا نارازى بولسا ياكى قارشىلىق قىلسا، ئافىنا ھاكىمدارلىرى (مەسىلەن: سىگمون، پېرىكلېس، كلېئون قاتارلىقلار) قوراللىق باستۇرغان، مەسىلەن: مىلادىدىن 467 يىل ئىلگىرى تاكسوس ئارىلى، مىلادىدىن 465 يىل ئىلگىرى تاسوس ئارىلى، مىلادىدىن 446 يىل ئىلگىرى يوپىيا ئارىلى، مىلادىدىن 440 يىل ئىلگىرى ساموس ئارىلىدا ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇشلار. شۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ، ئافىنا ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىتتىپاقداش كىچىك ئەللەرنى ئېزىپ، ئۆزىنىڭ دېڭىزدىكى زوراۋانلىقىنى تىكلەش قورالىغا ئايلىنىپ قالغان. مىلادىدىن 454 يىل ئىلگىرى خەزىنە ئافىناغا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئورنى تېخىمۇ يامانلاشقان. پېلوپونېسوس ئۇرۇشىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئىتتىپاق يىمىرىلىشكە باشلاپ، ئافىنا ئاخىرىدا مەغلۇپ بولغان (مىلادىدىن 404 يىل ئىلگىرى)، ئىتتىپاق سپارتانىڭ قاتتىق بۇيرۇق قىلىشى بىلەن تارقىتىلغان.

دېلېددا

  • دېلېددا[يەشمىسى:]Grazia Deledda، 1871 — 1936) ئىتالىيىلىك ئايال يازغۇچى. ساردىنىيە ئارىلىدا تۇغۇلغان. 1900-يىلى بىر ئوفىتسېر بىلەن تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن رىمدا ئولتۇراقلاشقان. لېكىن دائىم يۇرتقا قايتىپ يېزىقچىلىق ماتېرىياللىرىنى توپلىغان. 1893-يىلى «كانراتىي شادى» ناملىق ھېكايىنى نەشىر قىلدۇرغان. 1926-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەسەرلىرىدە ساردىنىيە دېھقانلىرىنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋە ناتۇرالىزملىق تۈس ئالغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ئەسەرلىرى سىرلىقلاشتۇرمىچىلىق ۋە تەقدىرچىلىك ئىدىيىلىرى بىلەن تولغان. «تاغلىقتىكى بوۋاي»، «نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن»، «ئىلياس پورتارۇ»، «كۈل»، «ئانا» ۋە «تەرجىمىھال» قاتارلىق 60 خىلچە ئەسەر يېزىپ چىققان.

دېلېسكلۇزې

  • دېلېسكلۇزې[يەشمىسى:]Louis Charles Delescluze، 1809—1871)1871-يىلدىكى فرانسىيە پارىژ كوممۇناسىنىڭ ئاساسىي رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. يېڭى ياكوبىنچى. مۇخبىر. 1830-ۋە 1848-يىللاردىكى ئىنقىلابقا قاتناشقان. 1848-يىلدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە خادىمى بولغان. 11-ئايدا «دېموكراتىيە ۋە ئىجتىمائىي ئىنقىلاب گېزىتى»نى چىقارغان. 1849-يىلى ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىدىغان سۆز قىلغانلىقى ۋە 13-ئىيۇن نامايىش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن بېلگىيە ۋە ئەنگلىيىگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. 1853-يىلى ئۆز ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن مەخپىي جۇمھۇرىيەتچىلەر تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىقىدىن قاماق جازاسى بېرىلگەن. قامىلىش، سۈرگۈن قىلىنىش ۋە ئەمگەككە سېلىنىش ئازابىنى تارتقان. 1859-يىلى كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن ئۆز ۋەتىنىگە قايتقان. 1868-يىلى 7-ئايدا «ئويغىنىش گېزىتى»نى چىقىرىپ، «ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە مېھرىبانلىق»نى پروگرامما قىلغان. ئىككىنچى ئىمپېرىيىگە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن يەنە ئۈچ قېتىم قامالغان. 1871-يىلى 2-ئايدا مىللىي پارلامېنتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 3-ئاينىڭ 26-كۈنى پارىژ كوممۇناسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، 29-كۈنى پارلامېنت ئەزالىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن؛ كېيىن چەت ئەل بىلەن ئالاقە باغلاش كومىتېتى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ھەربىي ۋەكىل بولغان؛ 5-ئاي-نىڭ 24-كۈنى پارىژ خەلقىنى كوچا جېڭى ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. ئىككىنچى كۈنى قۇربان بولغان. «پارىژدىن كەيئېنغىچە»دېگەن ئەسىرى بار.

دې لېئون

  • دې لېئون[يەشمىسى:]Daniel De Leon، 1852 — 1914) ئامېرىكا ئىشچىلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. كىچىك ئانتىل تاقىم ئاراللىرىدىكى كيۇراسائو ئارىلىدا تۇغۇلغان. گوللاندىيە لېيدېن داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1874-يىلى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان. گېزىت تەھرىرى، ئادۋوكات بولغان ھەمدە داۋاملىق ئوقۇغان. 1878-يىلى كولۇمبىيە قانۇن شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. 1883 — 1889-يىللىرى كولۇمبىيە داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1890-يىلى سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەھبىرى ۋە نەزەرىيىچىسى بولۇپ قالغان، ماركسنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. پارتىيە ژۇرنىلى — «خەلق» ژۇرنىلىدا تەھرىر بولۇپ كۆپ يىل ئىشلىگەن. 1895-يىلى مەزكۇر پارتىيىنىڭ نۇقتىئىنەزەرىگە قارشى تۇرغانلىقتىن سوتسىيالىستىك سانائەت ۋە ئەمگەكچى ئىشچىلار ئىتتىپاقىنى قۇرغان. 1905-يىلى دۇنيا سانائەت ئىشچىلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1908-يىلى خايۋوددىن بۆلۈنۈپ، ئۆز ئالدىغا خەلقئارا ئىشچىلار كەسپىي ئىتتىپاقىنى قۇرغان. ئاغمىچىلىققا قارشى كۈرەش قىلغان. بىراق ئۇ ھۆكۈمەتسىزلىك سىندىكالىزملىق قاراشتا بولغان. «ئامېرىكا بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس دەيدىغان نەزەرىيە»نى قوللاپ، ھاكىمىيەتنى پارلامېنت سايلىمى ئارقىلىقلا تارتىۋالغىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىنكار قىلغان. «ئىش تاشلاشنىڭ ئەھمىيىتى»، «جەمئىيەتنىڭ سوتسىيالىستىك قايتا قۇرۇلۇشى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

دېلى دۆلىتى

  • دېلى دۆلىتى[يەشمىسى:]Deli) ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. سۇماترا ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىرغىقىدىكى دېلى (Deli) دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا جاي- لاشقان. بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 1405-يىلى (مىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇڭلې 3-يىلى) ياۋا ئەلچىسى بىلەن بىرگە جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن.

دېماك

  • دېماك[يەشمىسى:]Demak) ھىندۇنېزىيىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان فېئودال دۆلەت. ياۋا ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى رادېن پاتاخ (Raden Patah) ئەسلىدە دېماكنىڭ يەرلىك فېئودال خوجىلىق يەر ئىگىسى بولۇپ، ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مادجاپاخىت دۆلىتى پارچىلانغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇستەقىل بولغان. سۇلتان ترېڭگونو (Trenggono) تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (1521 — 1546)، دۆلىتى ئەڭ كۈچىيىپ ياۋانىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلغان. ترېڭگونو 1546-يىلى ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، پادىشاھلىق تەختنى تالىشىش ئۇرۇشى پارتلاپ، ئاخىرى ئۇنىڭ كۈيئوغلى، پاجاڭ (Pajang)نىڭ يەرلىك خوجىلىق يەر ئىگىسى تىڭگىر (Joko Tinggir) غەلىبە قىلغان ۋە پايتەختىنى پاجاڭ (ھازىرقى سولونىڭ غەربىي جەنۇبىدا) قا يۆتكەپ، پاجاڭ پادىشاھلىقى دەپ ئاتىغان. 1582-يىلى مادارەن پادىشاھلىقى (ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ)تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنغان.

دېمبوۋىسكى

  • دېمبوۋىسكى[يەشمىسى:]Edward Dembowski، 1822 — 1846) پولشالىق ئىنقىلابىي دېموكرات، پەيلاسوپ، ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1839-يىلى پولشا خەلق ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. كېيىن ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. 1842 — 1843-يىللىرى «ئىلمىي ئوبزور» دېگەن ئەدەبىي ئىلمىي ژۇرنالنى چىقىرىپ، ئىلغار پەلسەپىۋى ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىپ، كىشىنى كىشى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلمايدىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمنى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1845-يىلى گالىتسىيىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەييارلىق خىزمىتى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان. 1846-يىلى كىراكوف قوزغىلىڭىدا مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرائىيە كاتىپلىقىغا سايلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلىي رەھبەرلىرىدىن بولۇپ قالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قېتىملىق نامايىشقا رەھبەرلىك قىلىۋاتقاندا ئاۋسترىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

دېموستېنې

  • دېموستېنې[يەشمىسى:]Demosthenes)(1)(مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 413). قەدىمكى ئافىناگېنېرالى. ئالكىستېنى (Alcisthenes) نىڭ ئوغلى. پېلوپوننېس ئۇرۇشىدا جايلاردا جەڭ قىلغان. مىلادىدىن 425 يىل ئىلگىرى بىر كىچىك فلوتنى باشلاپ پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى مېسسېنىيە بويلىرىغىچە بېرىپ، پىيلوس (Pylos) پورتىنى ئىشغال قىلىۋالغان ھەمدە ئىستىھكاملارنى مۇستەھكەملەپ، ھېلوتىسلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇتراتقان. سپارتالىقلار ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ئېغىر قوراللار بىلەن قوراللانغان ئەسكەرلەر (420 كىشى)نى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ يېنىدىكى سپاكتېرىيە (Sphacteria) نى بېسىۋېلىپ تىركىشىپ تۇرغان. ئافىنادىن ياردەمگە كەلگەن قوشۇننىڭ ياردىمى بىلەن ئارالدىكى سپارتا قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغان ھەم ئۇلارنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلىپ، كۆرۈنەرلىك خىزمەت كۆرسەتكەن. مىلادىدىن 413 يىل ئىلگىرى، بۇيرۇققا بىنائەن سىتسىلىيە رايونىدىكى ئافىنا يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى ئارمىيىسىگە ياردەم بەرگەن. نىكئاسقا ئەمەلىي كۈچنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چېكىنىشنى تەكلىپ قىلغان. نىكئاس كەسكىن قارارغا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، سراكۇز-سپارتا بىرلەشمە قوشۇنى تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ، پۈتۈن ئارمىيىسى تارمار بولغان. ئۇ نىكئاس بىلەن بىللە ئەسىرگە چۈشۈپ، ئۆلتۈرۈلگەن. (2) (مىلادىدىن ئىلگىرى 384 — 322) قەدىمكى ئافىنا سىياسىئونى، پوبلىستى. ئاتتىكادىكى پېئانىيىدە (Paeania) تۇغۇلغان. دېموستېنېنىڭ ئوغلى. گېنېرال كونوننىڭ ئوغۇل نەۋرىسى. ئىسايو (Isaeus)دىن ستىلىستىكىنى بېرىلىپ ئۆگىنىپ كېكەچلەيدىغان ئەيىبىنى تۈگەتكەن. ياش ۋاقتىدا سىتىلىستىكا ئوقۇتقان. ئاندىن سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئافىنانىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى دېموكراتلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالغان. ئۇ نۇتۇق سۆزلەپ، يۇنانلىقلارغا خاس باتۇرلۇق، قەيسەرلىك ۋە پىداكارلىق روھى يوقىلىۋاتىدۇ، دېموكراتىك سىياسەت زەئىپلىشىۋاتىدۇ، دەپ ھەسرەت چەككەن. ئىسوكرادىنىڭ ئەكسىچە ماكېدونىيە پادىشاھى فېلىپ Ⅱ نى قارا نىيەت ۋە زالىم پادىشاھ دەپ قارىغان. فېلىپنى يۇناننى قۇتقۇزۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە يۇنانغا خاس مۇستەقىللىك ۋە ئەركىنلىكنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ماكېدونىيە قوشۇنى جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەپ تىسسالىيىنى بېسىۋالغاندا، ئۇنىڭ ماكېدونىيىگە قارشى سىياسىي كۆز قارىشى كەڭ ھېسداشلىققا ۋە قوللاشقا ئېرىشكەن. ئۇ ئەمەلىيەتتە ئافىنا دۆلىتىنىڭ رەھبىرى بولۇپ قالغان. دېڭىز ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، نۇرغۇن شەھەرلەرنى (ئوتتۇرا يۇناندىكى دىبىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئافىنا بىلەن بىرلىشىپ، ماكېدونىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا بىللە قارشى تۇرۇشقا قايىل قىلغان. كارونېئا جېڭىدە (مىلادىدىن 338 يىل ئىلگىرىكى مەغلۇپ بولغان. ماكېدونىيەپەرەس كۈچلەر باش كۆتۈرۈپ، چەتكە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. مىلادىدىن 323 يىل ئىل-گىرىكى يىلى ئافىناغا قايتىپ بېرىپ، ماكېدونىيىگە قارشى ھەرىكەتنى ئۇيۇشتۇرغان؛ كۈچى يېتەرسىز، ئىچكى قىسىمدا بۆلۈنۈش بولغاچقا لامىيە جېڭىدە (مىلادىدىن 322 يىل ئىلگىرى) مەغلۇپ بولغان. ماكېدونىيە قوشۇنى ئافىناغا كىرگەن. سىرتتىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن؛ ئۇ كالۇرىيە (Calauria) ئارىلىغا قېچىپ بېرىپ، زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان. ھازىر «فېلىپقا رەددىيە» قاتارلىق نۇتۇقلىرىدىن 40 پارچە بولۇپ، بۇلار قەدىمكى دەۋردىكى بەس-مۇنازىرە ماھارىتىنىڭ ئۈلگىسى ھېسابلىنىپ، كېيىنكىلەرگە مەلۇم تەسىر كۆرسەتكەن.

دېموكراتلار جەمئىيىتى

  • دېموكراتلار جەمئىيىتى[يەشمىسى:] كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ بۇرژۇئا ئىنقىلابىي دېموكراتىزمچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتى. 1847-يىلى 11-ئايدا بريۇسسېلدا قۇرۇلغان. بېلگىيىلىك دېموكراتىزمچى ئادۋوكات جوتران (Luaen Leopold Jottrand، 1804 — 1877)جەمئىيەتنىڭ رەئىسى بولغان، گېنېرال مىللىنېت (Francois Mellinet، 1769 — 1852) پەخرىي رەئىس بولغان. ماركس مۇئاۋىن رەئىسلىككە تەيىنلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئەمەلىي تەشكىلاتچىلىق ۋە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن، ئۇنىڭ تەسىرى ۋە تەربىيىسى ئارقىسىدا جەمئىيەت ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىنقىلابىي دېموكراتىك ھەرىكىتىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان مەركەزگە ئايلانغان. 1848-يىلى 2-ئايدا، بېلگىيىدە دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نەتىجىدە مەغلۇپ بولۇپ، بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ماركس بريۇسسېلدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، جەمئىيەت پائالىيەت ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، تار، يەرلىك خاراكتېردىكى تەشكىلاتقا ئايلىنىپ كەتكەن. 1849-يىلدىن باشلاپ پائالىيىتىنى توختاتقان.

دېموكراتىزمچىلار ئىتتىپاقى

  • دېموكراتىزمچىلار ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىكى ئاۋسترىيە ۋە ۋېنگرىيە بۇرژۇئا دېموكراتىزمچىلىرىنىڭ ئىنقىلابىي تەشكىلاتى. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن 1794-يىلى قۇرۇلغان. ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋېنگرىيىلىك پەيلاسوپ، مۇناستىر باشلىقى يېگۇرنامادىننوۋېچ، شائىر باجانې يانوش، لاتسكوۋېچ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىلغار زىيالىيلار، ۋېنا ۋە بۇدا-پېشتتا مەركىزىي تەشكىلاتى، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ مۇھىم شەھەرلىرىدە گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە«بىرلىككە كەلگەن دېموكراتلار» ھەرىكىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، «ياكوبىنچىلار ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان. ئىتتىپاق فرانسىيە ئىنقىلابىي ئىدىيىسى ۋە پرىنسىپلىرىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئۆزىنىڭ پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازىنى بىكار قىلىپ، مەسئۇلىيەتلىك كابىنېت تۈزۈمىدىكى پادىشاھلىق-ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى قۇرۇشنى؛ بارلىق پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە دۆلەتنى باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە ئەركىنلىك-باراۋەرلىك جەمئىيىتى، ئىسلاھاتچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق مەخپىي دېموكراتىك تەشكىلاتلار قۇرۇلغان. 1795-يىلى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. شۇ يىلى ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى مۇشۇنى باھانە قىلىپ، ئاتالمىش «ياكوبىنچىلار دېلوسى»نى سوراق قىلىپ، مەملىكەت بويىچە تېررورلۇق سىياسىتىنى كۈچەيتىپ، كۆپلىگەن دېموكراتلارنى قىرغان ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان، كۆپلىگەن گېزىت-ژۇرناللارنى پېچەتلىۋەتكەن.

دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى

  • دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى[يەشمىسى:] «فېدېراتسىيىگە قارشى پارتىيە»گە قارالسۇن.

دېموكراتىك سوتسىيالىزم

  • دېموكراتىك سوتسىيالىزم[يەشمىسى:] ماركسىزم-لېنىنىزمغا قارشى ھازىرقى زامان ئىسلاھاتچىلىق پىكىر ئېقىمى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيىسى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى سوتسىيالىستلار پارتىيىلىرىنىڭ ئوڭ قانات رەھبەرلىك گۇرۇھى تەرىپىدىن پروگرامما خاراكتېرلىك شوئار قىلىنغان ھەمدە 1951-يىلى گېرمانىيىنىڭ فرانكفورد دېگەن يېرىدە چاقىرىلغان «سوتسىيالىستلار پارتىيىلىرى ئىنتېرناتسىئونالى»نىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىدا ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ سوتسىيالىزمنى كۆز-كۆز قىلىپ، بۇرژۇئا دېموكراتىيىسىنى ۋە ئەركىنلىكنى تەرغىپ قىلىپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرغان. بۇرژۇئا دۆلىتىنى سىنىپتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دېگەننى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەرغىپ قىلىپ، كاپىتالىستىك دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە بۇرژۇئا دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتقا ئارىلىشىشىنىڭ ئۆزى سوتسىيالىزم، دەپ ھېسابلىغان. كاپىتالىستىك مۈلۈكچىلىك ۋە بۇرژۇئا دۆلىتىنى ساقلاپ قالغان شارائىتتا، ئانچە-مۇنچە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە سىنىپلارنىڭ «تىنچ ھەمكارلىشىش» ئارقىلىق، سوتسىيالىزمغا «تىنچ ئۈسۈپ كىرگىلى» بولىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ماھىيىتى سوتسىيالىزم ۋىۋىسكىسى ئارقىلىق كاپىتالىزم تۈزۈمىنى قوغداشتىن ئىبارەت.

دېموكراتىك سىياسەت پارتىيىسى

  • دېموكراتىك سىياسەت پارتىيىسى[يەشمىسى:] تولۇق ئاتىلىشى: ئەركىن دېموكراتىك سىياسەت پارتىيىسى. تۇنىستىكى مىللەتچى سىياسىي پارتىيە. 1920-يىلى قۇرۇلغان. «تۇنىس تۇنسىلىقلارنىڭ تۇنىسى» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1934-يىلى بورغىبا (Habib Bourguiba، 1903 — ) باشچىلىقىدىكى كۆپ سانلىقلار فرانسىيە بىلەن مۇرەسسەلىشىشكە قارشى چىقىپ، ھىرالبۇرگتا پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاي چاقىرىپ، يېڭى دېموكراتىك سىياسەت پارتىيىسىنى قۇرغان، ئاز سانلىقلار كونا دېموكراتىك سىياسەت پارتىيىسى دەپ ئاتالغان.

دېموكراتىك ۋە سوتسىيالىستىك قارشىلىق كۆرسىتىش ئىتتىپاقى

  • دېموكراتىك ۋە سوتسىيالىستىك قارشىلىق كۆرسىتىش ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] فرانسىيىدىكى پارتىيە. قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان بەزى تەشكىلاتلار 1945-يىلى قۇرغان. ئاساسەن ئوتتۇرا، كىچىك بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان، ئۇنىڭ پروگراممىسى رادىكاللارنىڭ ئوڭ قانىتىنىڭ تەشەببۇسلىرىغا يېقىن كېلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىتتىپاقتا يادرولۇق رول ئوينىغان. رەھبىرى مىتېران (Francois Mitterrand،1916 —)قاتارلىقلار بولۇپ، پلېۋېن (Rene Pleren، 1901—) رەئىس (1946 — 1954) بولغان. دەسلىپىدە پارلامېنتتا مەلۇم كۈچكە ئىگە بولغان. كېيىن پلېۋېن بۇ پارتىيىدىن ئايرىلىپ ھەمدە 1959-يىلى «ھازىرقى زامان دېموكراتىيىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىتتىپاقى»نى تەشكىللەپ،ئۆرۈلۈپلا دېگوللچىلارنى قوللىغان، ئۇنىڭ تەسىرى بىراقلا تۆۋەنلەپ، تەشكىلات بارا-بارا پارچىلىنىپ كەتكەن.

دېموكرىت

  • دېموكرىت[يەشمىسى:]Demokritos ياكى Democritus، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 460 — 370) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. فراكىيىدىكى ئابدېرا (Abdera) دا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى داماشبوس ئاقسۆڭەك ئىدى. ئۇ غەربىي ئاسىيا، ھىندىستان، مىسىر قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلغان. پەلسەپە، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، بىئولوگىيە، ئېتىكا ۋە مۇزىكا، شېئىر قاتارلىق كۆپ خىل پەنلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. بالىلىق دەۋرىدە لېۋكىپپىنى ئۇستاز تۇتقان. ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمى لېۋكىپپىنىڭ بولسا كېرەك. لېۋكىپپى، «ئاتوم نەزەرىيىسى»نىڭ ئاساسچىسى دەپ قارالغان. دېموكرىت بۇ نەزەرىيىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرگەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن. ئۇ ئاتوم ۋە بوشلۇق — ئالەمنىڭ مەنبەسى. ئاتوم (atomos) كۆرگىلى، ئاجراتقىلى بولمايدىغان ئەڭ كىچىك ماددىي زەررىدىن ئىبارەت، ئۇنىڭ خۇسۇىسيىتى شۇكى، ئۇ تولۇق، يوچۇقسىز بولۇپ، دائىم ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئاتوم سۈپەت جەھەتتە پەرقلەنمەيدۇ، پەقەت شەكىل، چوڭ-كىچىكلىك ۋە تەرتىپ جەھەتتىلا بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. بوشلۇق بولسا ئاتومنىڭ ھەرىكەت سورۇنى بولۇپ، ئۇنىڭ خاراكتېرى تارقاق بولىدۇ، ئاتومغا ھەرىكەت شارائىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ. ئاتوم بىلەن بوشلۇقتىن ئىبارەت ئىككىسى ئەمەلىي مەۋجۇدىيەتتۇر. سان-ساناقسىز ئاتوملار چەكسىز بوشلۇقتا توختىماي ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ. ھەر خىل ئاتوملار ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ، ئاتوملارنىڭ قاينىمى شەكىللىنىپ، ئۆزئارا بىرلىشىپ، كائىنات پەيدا بولىدۇ. جىسىمنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئاتومنىڭ تۈرلۈك شەكىلدە بىرلەشكەنلىكىدىن بولغان. بىرلەشسە — ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئاجرىسا يوقىلىدۇ، «روھ»مۇ ئاتومدىن تۈزۈلگەن، بىراق، ئۇ ئەڭ نازۇك، ئەڭ زېرەك، ئەڭ سىلىق ئاتوم. ھايات روھىي ئاتومنى توختىماي قوبۇل قىلىش ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۆلگەن چاغدا روھىي ئاتوم تارقىلىدۇ ، دەپ قارىغان. ئۇ ھەممىنى زۆرۈرىيەت بەلگە كىشىلەر بىلىمسىزلىك تۈپەيلىدىن تاسادىپىيلىق مەۋجۇدىيىتىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. تۇيغۇنىڭ بىلىشنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى، ئاتومدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن جىسىم تارقاتقان بىر خىل كۆلەڭگىنىڭ تۇيغۇ ئەزالىرىنى قوزغايدىغانلىقىنى، پەقەت ئەقلىي تەپەككۇرلا ھەرىكەتلىنىۋاتقان ئاتومنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىگىلىيەلەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ بەخت ئىنسانلار ھاياتلىقىنىڭ مەقسىتى، ھەقىقىي بەخت تۇيغۇ ئەزاسىنىڭ ھۇزۇرلىنىشى ئەمەس، شەھۋەتپەرەسلىك قىلىشمۇ ئەمەس، بەلكى ئەقلىي جەھەتتە ئېرىشكەن روھىي تىنچلىقتىن ئىبارەت. ئىلاھ كىشىلەرگە بەخت ئاتا قىلمايدۇ، ئىلاھ مەۋجۇت بولسىمۇ، بەرىبىر ئۆلىدۇ دېگەننى تەرغىپ قىلغان. ئۇ دېموكراتىك سىياسىينى ھىمايە قىلغان. دېموكراتىك تۈزۈم ئاساسىدىكى نامرات تۇرمۇش كەچۈرۈش خانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى بەختتىن ياخشى، ئەركىنلىك بەرىبىر قۇللۇقتىن ياخشى دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ماتېرىيالىزملىق ئىدىيىسى شۇ چاغدىكى ئىدېئالىزملىق (مەسىلەن، ئەپلاتون)ئىدىيىسىگە قارىتا كۈچلۈك تەنقىد بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ «ئاتوم نەزەرىيىسى» توغرىسىدىكى تەلىماتىغا كېيىنكى ئېپىكۇرۇس ۋارىسلىق قىلغان. ماركس بىلەن ئېنگېلس ئۇنى «تەبىئىي پەن بويىچە تەجرىبىلىك ئالىم ۋە يۇنانلىقلار ئىچىدىكى تۇنجى قامۇسچى ئالىم» دەپ ئاتىغان («ماركس-ئېنگېلس ئەسەرلىرى»، 3-توم، خەنزۇچە نەشرى، 146-بەت). لېنىن يەنە ماتېرىيالىزملىق تەرققىيات لۇشيەنىنى «دېموكرىت لۇشيەنى»دېگەنىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 50 نەچچە خىل ئەسەر يازغان. بۈگۈنكى كۈندە بەزى پارچىلىرىلا قالغان.

دېمېترى

  • دېمېترى[يەشمىسى:]Demetrius) تۇخارىستان (باكتىرىيە) پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 189 — 167). پادىشاھ ئېئۇتېدېموس (Euthydemos) نىڭ ئوغلى. تەختتە ئولتۇرغان چاغدا زېمىنىنى داۋاملىق كېڭەيتكەن ۋە جەنۇبتىكى قوشنىسى (ئىران ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىيقىسمىدا)ئارىيە(Aria)، ئاراكوسىيە (Arachosia)، درانگىئانا (Drangiana)قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرۇپ، زېمىنىنى ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىغىچە كېڭەيتىپ، دۆلىتى قۇدرەت تاپقان. مىلادىدىن 175 يىل ئىلگىرى سەركەردە ئېئۇكراتىدې (Eucratides) قوشۇن تارتىپ، ئۆزىنى خان قىلىپ تىكلەپ، پادىشاھلىقنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى بېسىۋالغان. ئۇ ھىندى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى (جىرۇم دەرياسىنىڭ شەرقىي) رايونىنى تىزگىنلەپ تۇرغان. سانگالا (بۈگۈنكى پاكىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان سىيالكوت)نى پايتەخت قىلغان؛ تۇخارىستان پادىشاھلىقى پارچىلىنىپ زەئىپلىشىپ كەتكەن. كېيىن ئېئوكراتىدې بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا ئۆلتۈرۈلگەن.

دېمېتېر

  • دېمېتېر[يەشمىسى:] [狄 墨 [HT5H]弋[HTH][JX*5]心 耳](Demeter) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى دېھقانچىلىق ۋە مول ھوسۇل خۇداسى. رىم ئەپسانىلىرىدا كېرېس (Ceres) دەپ ئاتىلىدۇ. كىرۇس بىلەن رېيەنىڭ قىزى، زېۋىسنىڭ ئىگىچىسى؛ زېۋىس بىلەن توي قىلىپ مول ھوسۇل خۇداسى پېرىسېخونې (persephone) نى تۇغقان. ئۇ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرىنى ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن يۇنانلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى ئېتىقادىغا ئېرىشكەن. ئېيتىلىشىچە، پېرىسېخونې گۈل ئۈزۈۋاتقاندا يەر ئۇشتۇمتۇت يېرىلىپ، ئاخىرەت پادىشاھى خادېس (پلوتون) چىقىپ ئۇنى بۇلاپ كەتكەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ دۇنيانىڭ خانىكىسى بولۇپ قالغانمىش. دېمېتېر ئىنتايىن پەرىشان بولۇپ، ئىزدەپ ھېچ يەردىن تاپالمىغان، يەرلەر قاقاسلىشىپ، كىشىلىك دۇنياسى ئاچارچىلىق ئىچىدە قالغان. زېۋىس ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن قىزىنىڭ يىلىغا بىر قېتىم دىدار كۆرۈشۈشىگە يول قويغان. شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىگە باھار يېتىپ كېلىپ، دانلىق زىرائەتلەر يېڭىباشتىن بولۇق ئۆسۈپ چىقىدىغان بولغان. شۇڭا «دېمېتېر» «يەر ئانا» ياكى «زىرائەتنىڭ ئانىسى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇ يالغۇز گرېتسىيىنىڭ ئولۇمپىيە تېغىدىكى خۇداسى بولۇپلا قالماي، بەلكى بەزى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچى مىللەتلەرنىڭمۇ مەبۇدىسى بولۇپ ھېسابلانغان.

دېنارىئۇ

  • دېنارىئۇ[يەشمىسى:]Denarius) قەدىمكى رىم كۈمۈش پۈل نامى. تەخمىنەن مىلادىدىن 268 يىل ئىلگىرىكى باشلاپ قۇيۇلۇشقا باشلىغان. پۇلنىڭ ئۈستىگە رىم مەبۇدىسىنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن، بۇنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى سېستېرىتىئۇ دەپ ئاتالغان. بىر دېنارىئۇ دەسلەپ ئون يارماق ئاسقا باراۋەر بولغان، بۇ دېنارىئۇنىڭ يۈزىدە «Ⅹ» (ئون) بەلگىسى بىلەن ئىپادىلەنگەن؛ ئېيتىلىشىچە، كېيىن بېرىپ ئون ئالتە ئاسقا تەڭ كېلىدىغان بولغانىكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا كەلگەندە رىم كۈمۈش پۇلى ئېھتىياجنى تەمىنلىيەلمەي قالغان، كېيىن كۈمۈش كۆپ چىقىدىغان ئىسپانىيە رايونىنى ئىستىلا قىلغاندىن كېيىن ئاندىن كۈمۈشنى بىرلىك قىلغان پۇل تۈزۈمىگە ئاساس سېلىنغان. بىر دېنارىئۇنىڭ قىممىتى يۇناننىڭ بىر دىراكما (Drachma) سىغا تەڭ بولغان.

دېنام

  • دېنام[يەشمىسى:]Dixon Denham، 1786 — 1828) ئەنگلىيىلىك مۇستەملىكىچى ئەمەلدار، ئېكسپېدىتسىيىچى. 1811-يىلى ھەربىي ساھەگە كىرگەندىن كېيىن ناپولېئونغا قارشى جەڭلەرگە كۆپ قېتىم قاتناشقان. 1821 — 1825-يىللاردا ئافرىقىغا بېرىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلغان. چاد كۆلى رايونىنى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئېقىنى شارى (Shari) دەرياسى ھەم يوبې (Yobe) دەرياسىنى ئۆلچىگەن. 1828-يىلى 5-ئايدا سېررالېئوننىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان. ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن «ساياھەت ۋە بايقاش خاتىرىلىرى» بار.

دېنساۋى ۋەقەسى

  • دېنساۋى ۋەقەسى[يەشمىسى:] ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مىسىر خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلىش ۋەقەسى. 1906-يىل 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەنگلىيىلىك ئوفىتسېرلار دېنساۋى كەنتىدە پاراكەندىچىلىك قىلغان. يەرلىك ئاھالىلەر قوللىرىغا تاياق-توقماق ئېلىپ ئۆزىنى قوغدىغان. بىر ئوفىتسېر قېچىپ كېتىۋېتىپ ئىسسىق ئۆتۈپ ئۆلگەن. ئەنگلىيىنىڭ باش كونسۇلى گىرمېر دېھقانلار ئۆلتۈردى، دەپ قارا چاپلاشقا سوتقا كۆرسەتمە بېرىپ، تۆت ئادەمنى دارغا ئېسىشقا، ئىككى ئادەمنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا، توققۇز ئادەمنى جاپالىق ئەمگەككە سېلىشقا ھۆكۈم قىلغۇزغان. خەۋەر تارقىلىشى بىلەن، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئەنگلىيىنىڭ زوراۋانلىق ھۆكۈمرانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، گىرمېرنى 1907-يىلى 4-ئايدا خىزمىتىدىن ئايرىلىپ دۆلىتىگە قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان.

دېنسۇشيانۇ

  • دېنسۇشيانۇ[يەشمىسى:]Nicolae Densusianu، 1846 — 1911)، رومىنىيىلىك تارىخشۇناس، ئارخېئولوگ ۋە ئارخىپشۇناس. ترانسىلىۋانىيىدە تۇغۇلغان. 1877-يىلىدىن باشلاپ، رومىنىيە پادىشاھلىقىغا كۆچۈپ بارغان كېيىن كۇتۇپخانا خادىمى، بۇخارېست داشۆسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىسى بولغان. تارىختىن بۇرۇنقى داشىيەنى تەتقىق قىلىش بىلەن ئۇزاق مۇددەت شۇغۇللانغان، تۆھپىسى كۆپ، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسىرى «تارىختىن بۇرۇنقى داكىيە»دىن ئىبارەت. يەنە ترانسىلىۋانىيە دېھقانلار قوزغىلىڭى ھەققىدىكى «1784 — 1785-يىللاردىكى ترانسىلۋانىيە ئىنقىلابى ۋە ۋېنگرىيە» دېگەن ئەسىرىمۇ بار.

دېنكىن

  • دېنكىن[يەشمىسى:]Анон Иванови Денкин1872 — 1947) سوۋېت روسىيىسى ئىچكى ئۇرۇشى دەۋرىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي باشلىقلارنىڭ بىرى. ئەسلىدە چارروسىيە گېنېرال لېيتېنانتى ئىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدە دىۋىزىيە باشلىقى، جۈنتۇەن قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1917-يىلى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن باش شتاب باشلىقى، غەربىي سەپ ۋە غەربىي جەنۇبىي سەپ روسىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن كورنىلوۋ قاتارلىقلار بىلەن دون دەرياسى رايونىدا ئاق گۋاردىيە «پىدائىيلار قوشۇنى»نى تەشكىللىگەن. 1918-يىلى كۈزدە ئانتانتا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ «جەنۇبىي روسىيە قوراللىق كۈچلىرى»نىڭ باش قوماندانى بولۇپ، جەنۇبىي روسىيىنىڭ زور بىر قىسىم رايونلىرىنى ئىشغال قىلغان. 1919-يىلى ياز ۋە كۈزدە موسكۋاغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولغان. 10 — 11-ئايلاردا قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان. ئىككىنچى يىلى ئاپرېلدا ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن.

دېئۇس راموس

  • دېئۇس راموس[يەشمىسى:]Joao de Deus Ramos، 1830 — 1896) پورتۇگالىيىلىك شائىر. 1859-يىلى كوئىمبرا داشۆسى قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئادۋوكات ۋە ژۇرنال مۇھەررىرى بولغان. پورتۇگالىيىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ئۈچۈن دەرسلىك تۈزگەن. ئوقۇغۇچى دەۋرىدىلا شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. 1868-يىلى ئۇ «ياۋا گۈل»ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە قەدىمكى شېئىرلارنىڭ لىرىكىلىق ئەنئەنىسى بىلەن ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئىجادىيەت ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلگەن، تەبىئىي، ئاددىي بولۇپ، مۇزىكا خاراكتېرىنى ئالغان.ⅩⅩ ئەسىرنىڭ بېشىدا پورتۇگالىيىدە ئىنتايىن كەڭ تارقالغان. «پارچە يوپۇرماق»، «گۈللۈك دالا» قاتارلىق ئاساسىي ئەسەرلىرى بار.

دېھلى سۇلتانلىقى

  • دېھلى سۇلتانلىقى[يەشمىسى:] ⅩⅢ ئەسىردىن ⅩⅥ ئەسىرگىچە بولغان مەزگىلدە ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بەش ئىسلام خاندانلىقىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. دېھلى پايتەخت قىلىنغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. قۇل خاندانلىقى (1206 — 1290) دىن باشلىنىپ، كېيىن كالجى خاندانلىقى (Khalji، 1290 — 1321)، تۇغلۇق (Tughluq) خاندانلىقى (1321 — 1414)، سەييىد (Sayyid)خاندانلىقى(1414 — 1451)ۋە لودى (Lodi) خاندانلىقى (1451 — 1526) نى باشتىن كەچۈرگەن. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كالجى خاندانلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئارقىلىق زېمىنىنى غەربتە ھىندى دەرياسى ۋادىسىغىچە، شەرقتە بېنگالغىچە، شىمالدا ھىمالايا تېغىغىچە، جەنۇبتا كوفىرى دەرياسى ۋادىسىغىچە يەتكۈزگەن، دۆلەت قۇدرەت تاپقان. كېيىن بارا-بارا زەئىپلەشكەن. 1398-يىلى تېمۇر بىر مەھەل دېھلىنى ئىشغال قىلىپ، سۇلتانلىق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ گۇمران بولۇشىغا تۈرتكە بولغان. لودى خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە، دېھلى سۇلتانلىرى يەرلىكتىكى بەگلەرگە ئوخشاش بولغان، شىمالىي ھىندىستان بېنگال، مارۋا، گۇجرات، كەشمىر قاتارلىق كىچىك دۆلەتلەرگە بۆلۈنۈپ، ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ تۇرغان. 1526-يىلى تېمۇرنىڭ ئەۋلادى بابىر موغۇل ئارمىيىسىنى باشلاپ دېھلىنى بېسىۋالغان. دېھلى سۇلتانلىقى مۇنقەرز بولغان.

دېھلى مۇداپىئە ئۇرۇشى

  • دېھلى مۇداپىئە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] 1857-يىلدىكى ھىندىستان مىللىي قوزغىلىڭىدا قوزغىلاڭچى ھەربىي-خەلقنىڭ پايتەخت دېھلىنى قوغداش يۈزىسىدىن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. 1857-يىل 5-ئاينىڭ 11-كۈنى مېرۇت (Meerut) باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچى قىسىم دېھلىغا يېتىپ بارغاندا شەھەر ئىچىدىكى ھەربىيلەر ۋە خەلق دەرھال ئاۋاز قوشقان. دېھلى ئازاد بولغان ۋە قوزغىلاڭ مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 7-ئاينىڭ باشلىرىدا دېھلىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن 40 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ دۈشمەن ئارمىيىسىنى ئارقىمۇ ئارقا زىيانغا ئۇچراتقان. 9-ئاينىڭ بېشىدا ياردەمگە كەلگەن ئەنگلىيە قوشۇنى كەينى-كەينىدىن يېتىپ كەلگەن. 14-كۈنى ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىغان. شەھەرنى قوغداپ ياتقان ئارمىيە ۋە خەلق جەڭگە ئاتلانغان. 18-كۈنى ئەنگلىيە قوشۇنى لاھور دەرۋازىسىدىن بېسىپ كىرگەندە، قوزغىلاڭچى ئارمىيە ۋە خەلق دۈشمەنگە قارشى قاتتىق جەڭ قىلىپ،ئىلگىرى-كېيىن ئەنگلىيە ئارمىيسىنىڭ 5000 دىن ئارتۇق ئادىمىنى ئۆلتۈرگەن ۋە يارىدار قىلغان. 19-كۈنى كېچىدە، بۇئېنلىڭ قورغىنى قولدىن كەتكەن. قوزغىلاڭچى ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى خان بەختىخان (Khan Bakht Khan) قىسىمنى باشلاپ پايتەختتىن چىقىپ كەتكەن. 20-كۈنى پۈتۈن شەھەر قولدىن كەتكەن.

دېھقانچىلىق تەلىماتى

  • دېھقانچىلىق تەلىماتى[يەشمىسى:] كىتاب نامى. چاۋشيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى يېزا ئىگىلىكى ھەققىدىكى ئەسەر. لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئەھمىيەت بېرىلگەن، شىزۇڭ مەزگىللىرىدە (1418 — 1450) چاۋشيەن يېزا ئىگىلىكىگە دائىر كىتاب تۈزۈپ چىقىشقا كىرىشكەن؛ ھەرقايسى ۋىلايەت تەپتىشلىرىنى ئۆز تەۋەلىكىدىكى پېشقەدەم دېھقانلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى توپلاپ، رەتلەپ چىقىشقا بۇيرۇغان. بۇنى ئۆلىما — چىن جېڭجاۋ قاتارلىق كىشىلەر تەييارلاپ، 1429-يىلى كىتاب بولۇپ چىققان. ئۇ ئۆز ئىچىگە ئۇرۇقلۇق تەييارلاش، يەر ئاغدۇرۇش، كەندىر، شال، تېرىق، سۆك، ئارپا، سويا پۇرچاق، ماش، سېرىق پۇرچاق، ئارپا، بۇغداي، زىغىر، قارا بۇغداي تېرىش قاتارلىق 10 نەچچە خىل مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇسلۇبى قىسقا، ئاممىباپ ئاتالغۇلىرىنىڭ كۆپىنچىسى شۇ يۇرتنىڭ نامى بىلەن ئىزاھلانغان ھەمدە قەدىمكى تىللار ۋە دېھقانچىلىققا دائىر تەمسىللەر ئىلاۋە قىلىنغان. بۇ كىتاب جۇڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسى كاڭشى خان مەزگىللىرىدىمۇ نەشىر قىلىنغان.

دېھقانچىلىق قەبىلىلىرى

  • دېھقانچىلىق قەبىلىلىرى[يەشمىسى:] يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان ئىپتىدائىي قەبىلە. بۇ ياۋايىلىق دەۋرىدىكى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دېھقان-چارۋىچى قەبىلىلىرىنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشىنىڭ نەتىجىسى. ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، يېزا ئىگىلىك ۋە دېھقانچىلىق قەبىلىلىرىنىڭ مەيدانغا كەلگەن ماكانى ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ رايوننى مەركەز قىلغان: شەرقىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا (تەخمىنەن مىلادىدىن 7000 — 4300 يىل ئىلگىرى) ھەمدە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مېكسىكا ۋە پېرۇ (تەخمىنەن مىلادىدىن 5000 — 3000 يىل ئىلگىرى). ئوتتۇرا تاش قورال ۋە يېڭى تاش قورال دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە دېھقانچىلىق مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، دەسلەپ باغۋەنچىلىك ئېكىنچىلىقى (ئوتىغۇچ بىلەن قىلىنىدىغان دېھقانچىلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولغان. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى كىشىلەرنىڭ ئوزۇقلۇقىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئانچە زور بولمىغان. كىشىلەر پەقەت پەسىل خاراكتېرلىك نىسپىي ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان. يېڭى تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە مېتال قوراللار دەۋرىگە كەلگەندە، كەڭ كۆلەملىك يېزا ئىگىلىك ئېتىز-ئېرىق تېرىقچىلىقى (ساپان بىلەن تېرىلىدىغان دېھقانچىلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە مەڭگۈلۈك خاراكتېردىكى ئولتۇراقلاشقان يېزا-كەنتلەر بارلىققا كەلگەن. دېھقانچىلىق قەبىلىلىرى ئاساسەن تېرىقچىلىق (ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دەسلەپكى تېرىلغان زىرائەتلەر: ياڭيۇ، تاتلىقياڭيۇ، كۆممىقوناق؛ شەرقىي ئاسىيادا شال، تېرىق؛ غەربىي ئاسىيادا بۇغداي، ئارپا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان) بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە چارۋا باقمىچىلىقىنى قوشۇمچە قىلغان؛ ئولتۇراق تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلاردا يەر ئومۇمنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ، ئادەتتە ئۇرۇق، ئائىلىلەرنىڭ تېرىقچىلىق قىلىشىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۆسۈشى، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى، ئايرىۋاشلاش ۋە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن دېھقانچىلىق قەبىلىلىرى پەيدىنپەي يېزا كوممۇنىسىغا ئايلانغان.

دېۋا

  • دېۋا[يەشمىسى:]Deva ياكى Aryadera، تەخمىنەن 170 — 270)، مەنىسى «تەڭرى» ياكى «مۇقەددەس تەڭرى» دېگەنلىك بولىدۇ. قەدىمكى ھىندىستاندىكى بۇددا دىنى ئالىمى. ناگارجۇنانىڭ شاگىرتى. ناگارجۇناغا ۋارىسلىق قىلىپ، بۇددا دىنىدىكى ماديامىكا مەزھىپىنىڭ ئەقىدىلىرىنى تەرغىپ قىلغان؛ جايلارغا ساياھەت قىلىپ، غەيرىي ئەقىدىلەرگە رەددىيە بەرگەن. كېيىن قەتلى قىلىنغان. ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن «تۆتيۈز مۇھاكىمە»،«يۈز خەتلىك مۇھاكىمە»، «تۆتيۈز ماديامىكا مۇھاكىمىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

دېۋېي

  • دېۋېي[يەشمىسى:]John Dewey، 1859 — 1952) ئامېرىكىلىق پەيلاسوپ، پېداگوگ، پراگماتىزمنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى. ۋېرمونت شتاتى بېلىنتوندا تۇغۇلغان. 1879-يىلى ۋېرمونت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1884-يىلى خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. مىنىنېسوتا ئۇنىۋېرسىتېتى، مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. ئامېرىكا پسىخولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى، پەلسەپە ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە ئامېرىكا پروفېسسورلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتىگەن. ئامېرىكىلىق پەيلاسوپ پېرىس، جامېسلارنىڭ پراگماتىزملىق پەلسەپىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى كېڭەيتكەن. ئوبيېكتىپ ھەقىقەت بىلەن مۇتلەق ھەقىقەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ، ئومۇمەن بىر مەھەللىك «مۇۋەپپەقىيەت» ياكى «ئۈنۈم» قازىنىشنىڭ ئۆزى ھەقىقەت دېمەكتۇر دەپ قارىغان. ئۆزىنىڭ پەلسەپىسىنى «ناتۇرالىزم تەجرىبىچىلىكى» دەپ ئاتىۋالغان. تەبىئەت (ئوبيېكتىپ دۇنيا)نى تەجرىبىگە تاقاپ قويغان. سۇبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتىپنىڭ پەرقى پەقەت تەجرىبە ئىچكى قىسىمدىكى پەرقتىن ئىبارەت دېگەننى تەرغىپ قىلغان. بارلىق ئىلمىي نەزەرىيىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەجرىبە بىلەن يىغىنچاقلىغان. نەزەرىيىنى بولسا مۇھىتقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىر خىل ۋاسىتىسى ياكى «قورالى» دەپ قارىغان. مائارىپنىمۇ بىر خىل «قورال»دىنلا ئىبارەت، ئۇ ئارقىلىق سىنىپىي مۇرەسسەچىلىككە يەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. مائارىپ — تۇرمۇش، مەكتەپ — جەمئىيەت دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مائارىپ ئۇسۇلىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى «ئىشلەش داۋامىدا ئۆگىنىش» دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى — سىنىپىي«ھەمكارلىق»ۋە ئاز-ماز «ئىسلاھات» ئېلىپ بېرىشنى تەرغىپ قىلىشتىن ئىبارەت. 1919 — 1921-يىللىرى ئارىلىقىدا جۇڭگوغا كېلىپ دەرس ئۆتكەن. 11 ئۆلكىگە بارغان، ئۇنىڭ تەسىرى خېلى كەڭ تارقالغان. ئۇنىڭ «مەكتەپ ۋە جەمئىيەت»، «دېموكراتىيە ۋە مائارىپ»، «پەلسەپىۋى ئۆزگەرتىش»، «تەجرىبە بىلەن تەبىئەت»، «لوگىكا تەتقىقات نەزەرىيىسى»، «ئەركىنلىك بىلەن مەدەنىيەت»، «ئىنسانىيەت مەسىلىسى»دىن ئىبارەت ئاساسلىق ئەسەرلىرى بار.

دىئاس

  • دىئاس[يەشمىسى:]Bartolomeu Dias، تەخمىنەن 1450 — 1500) پورتۇگالىيىلىك دېڭىزچى. 1487-يىلى 8-ئايدا، پورتۇگالى-يە كورۇلى جوئا Ⅱ نىڭ پەرمانىغا بىنائەن ئۈچ كېمىنى باشلاپ ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، ئافرىقىنىڭ ئەڭ جەنۇبىنى ئەگىپ ئۆتۈپ، چوڭ فېس (Great Fish) دەرياسى ئېغىزى ئەتراپىغا يېتىپ بارغان. قايتىش سەپىرىدە، 1488-يىلى ئۈمىت تۇمشۇقىنى تاپقان. كېيىن داگامانىڭ ھىندىستانغا سەپەر قىلىش تەييارلىق خىزمىتىگە قاتنىشىپ، كېمە ياسىتىش ئىشلرىغا مەسئۇل بولغان. 1500-يىلى كابرال باشچىلىقىدىكى كېمە ئەترىتى بىلەن بىللە ھىندىستانغا بېرىپ، ئۈمىت تۇمشۇقى ئەتراپىغا كەلگەندە بورانغا ئۇچراپ قازا تاپقان. «جۇغراپىيىلىك زور بايقاش» قا قاراڭ.

دىئاس

  • دىئاس[يەشمىسى:]1)(Jose de la Cruz Porfirio Diaz 1830 — 1915)، مېكسىكا زۇڭتۇڭى (1876—1880، 1884 — 1911)، مۇستەبىت. شتات باشلىقى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان. ئىچكى ئۇرۇش (1854 — 1860) تا ئەركىنلىك تەرەپدارلىرىنى قوللىغان ھەمدە 1861 — 1867-يىللىرى فرانسىيە مۇداخىلىچى ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. 1871-يىلدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىدە مەغلۇپ بولغان. 1876-يىلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ زۇڭتۇڭ بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە يەرلەرنى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى يېڭىباشتىن يانچىلارغا ياكى قەرزدار دېھقانلارغا ئايلاندۇرغان؛ چېركاۋنىڭ ئىمتىيازلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن؛ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى سېتىپ، چەت ئەل كاپىتالىنىڭ كان مەھسۇلاتى بايلىقى، تۆمۈريول ياساش ھوقۇقى ۋە سودا-سانائەت كارخانىلىرىنى كونترول قىلىشقا يول قويۇپ، مېكسىكىنى ئەنگلىيە، ئامېرىكىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. چوڭ ئېمنىيە ئىگىلىرى، كاتولىك دىنى راھىبلىرى ۋە چەت ئەل كاپىتالىستلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى ۋە قارشىلىقىنى قوزغىغان ھەمدە 1910-يىلدىكى بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان. 1911-يىلى 5-ئايدا ئوغرىلىقچە چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، كېيىن پارىژدا ئۆلگەن. (2) جوسې راموس دىئاس (Jose Ramos Diaz، 1894 — 1942) ئىسپانىيە كومپارتىيىسىنىڭ رەھبىرى. ئىشچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياشلىق دەۋرىدە ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە قامالغان.1925-يىلى خەلقئارا ئىنقىلابىي جەڭچىلەرگە ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1926-يىلى كومپارتىيىگە كىرگەن. 1932 — 1942-يىللىرى ئىسپانىيە كومپارتىيىسىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1935-يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 7-قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغ-ا سايلانغان. 1936 — 1939-يىللىرىدىكى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە خەلق فرونتىنىڭ مۇھىم رەھبىرى بولغان. ئىچكى ئۇرۇش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، فرانكونىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان. 1942-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.

دىئاننۇنزىئو

  • دىئاننۇنزىئو[يەشمىسى:]Gabriele، D‘Annunzio، 1863 — 1938) ئىتالىيىلىك يازغۇچى. بوسكارادا كاتتا باي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1879-يىلى «باش باھار» دېگەن شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. 1894-يىلى «ئۆلۈمنىڭ غەلىبىسى» دېگەن رومانىنى ئېلان قىلىپ داڭق چىقارغان. 1897—1900-يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى جېنىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ئىلگىرى-ئاخىر قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىلىرىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. ئايروپىلان ھادىسىسىدە بىر كۆزى يارىلىنىپ، كۆرمەس بولۇپ قالغان. 1919-يىلى 9-ئايدا 300 نەپەر پىدائىينى باشلاپ فىئۇمې (يۇگوسلاۋىيىنىڭ رىيېكا دېگەن جايى) نى قوراللىق ئىگىلىۋالغان، كېيىن ئىتالىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن قوغلىۋېتىلگەن. فاشىزمنى قوغداپ، مۇسسولىنىغا سادىق بولغانلىقتىن، ماركىز ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئىتالىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1922-يىلى يىقىلىپ چۈشۈپ يارىدار بولغاندىن كېيىن، گاداگكۆلى ئەتراپىدا زاھىتلىق قىلىپ يۈرۈپ ئۆلگەن. ئەسەرلىرى تولۇقى بىلەن جەمئىي 49 توم چىقىرىلغان.

دئائۇبىگنې

  • دئائۇبىگنې[يەشمىسى:]Theodore AgrippA A aubigne،1552 — 1630)، فرانسىيىلىك شائىر، تارىخشۇناس. دادىسى خۇگۇئېنو مەزھىپىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى بولۇپ، كېيىن دىنىي ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇ ياش ۋاقتىدا خۇگۇئېنو مەزھىپىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان، كېيىن ھېنرى Ⅳ نىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1593-يىلى ھېنرى Ⅳ كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۆزگەرگەندىن كېيىنمۇ، كالۋىن دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋەرگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا جەنۋەدە تۇرغان. «دۇنيا ئومۇمىي تارىخى» دېگەن ئەسىرىدە فرانسىيە ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ئەللەردە 1553-يىلدىن 1602-يىلغىچە بولغان تارىخىي ئىشلار بايان قىلىنىپ، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار ساقلانغان. «ھەسرەت» شېئىرىدا دىنىي ئۇرۇش ۋە مەھكىمە شەرئىينىڭ بىدئەتلەرنى جازالىشىنى غەزەپ بىلەن ئەيىبلىگەن.

دىپو نېگورو

  • دىپو نېگورو[يەشمىسى:]Pangeran Dipo Negoro، 1785—1855). ھىندۇنېزىيىنىڭ مىللىي قەھرىمانى. يوگياكارتا پادىشاھلىقىنىڭ سۇلتانى ئاماڭكۇ بۇۋونوⅢ (Amangku BuwonoⅢ، 1810—1814. يىللار- دا تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ ئوغلى. تېگالرېدجادا مۆھۈرلەپ بېرىلگەن يېرى بار. بالىلىق چېغىدىن باشلاپلا نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇغان، ئىسلام دىنىنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرىنى پۇختا ئۆگەنگەن. ئۇ گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، قۇدرەتلىك ئىسلام دۆلىتىنى يېڭىباشتىن قۇرۇشقا بەل باغلاپ، ھىندۇنېزىيە خەلقىغە رەھبەرلىك قىلىپ، 1825-يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە ياۋا ئىسلام پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ، ئۆزى سۇلتان بولغان. 1830-يىلى ئالدىنىپ گوللاندىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان چاغدا، قولغا ئېلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان. 1855-يىلى سېلات ماكاسسارا (ھازىرقى ئۇچۇڭ پانداڭ) تۈرمىسىدە ئاغرىپ ئۆلگەن. «دىپو نېگورو ئۇرۇشى» غا قاراڭ.

دىپو نېگورو ئۇرۇشى

  • دىپو نېگورو ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ياۋا ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياۋا خەلقىنىڭ 1825 — 1830-يىللاردىكى گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى چوڭ قوزغىلىڭى. رەھبىرى دىپو نېگورو. گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئۇنىڭ مۆھۈرلەپ بېرىلگەن يېرىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تاشيول ياسىغانلىقى ھەمدە ئۇنى قولغا ئېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن، قوزغىلاڭ پارتلىغان. 1825-يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، دىپو نېگورو ئىسلام دىنىنى قوغداش نامى بىلەن خەلقنى گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قوراللىق قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. كەڭ دېھقانلار ۋە بىر قىسىم فېئوداللارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى 1825-يىلى 7-ئايدىن 1826-يىلى 10-ئايغىچە ئوتتۇرا ياۋانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىنى، شەرقىي ياۋانىڭ قىسمەن جايلىرىنى ئازاد قىلغان. دىپو نېگورو 1825-يىلى 10-ئايدا ياۋا ئىسلام پادىشاھلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزى سۇلتان بولغان. 1827-يىلى 1-ئايدىن 1828-يىلى 3-ئايغىچە، گوللاندىيە قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى دى كوك (H. Merkus de Kock)«قورغان تاكتىكىسى» دىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپتىن قوزغىلاڭنى باستۇرىدىغان قوشۇنىنى كۈچەيتسە، يەنە بىر جەھەتتىن تىنچلىق سۆھبىتى سۇيىقەستىنى ئىشلىتىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى پارچىلىغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ بىر- مۇنچىلىغان باشلىقلىرى ئارقا-ئارقىدىن دۈشمەنگە تەسلىم بولغان. دىپو نېگورو 1830-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈۋاتقان چاغدا قولغا ئېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.

دىچىڭ پارتىيىسى

  • دىچىڭ پارتىيىسى[يەشمىسى:] يەنى «بىرمىلىقلار جەمئىيىتى».

دىدېرو

  • دىدېرو[يەشمىسى:]Denis Diderot، 1713 — 1784) فرانسىيىلىك پەيلاسوپ، يازغۇچى ۋە مەرىپەتچى مۇتەپەككۇر. قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. قانۇنشۇناسلىقنى ئۆگەنگەن. ئاتىئېزملىق ئەسەرلەرنى يازغانلىقى تۈپەيلىدىن بىر مەزگىل تۇتقۇن قىلىنغان. 1751-يىلى «قامۇس»نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئىرادىسىدىن قايتماي 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ گىنىئال ئەسەرنى ئاخىر يېزىپ پۈتتۈرگەن. 1773 — 1774-يىللىرى چار پادىشاھى يىكاتېرىنا Ⅱ نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن روسىيىدە زىيارەتتە بولغان. ئەينى زاماندىكى تەبىئىي پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيانىڭ ماددا ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىرقانچە دىئالېكتىكا ئامىلىغا ئىگە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان ۋە پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. «ھەر خىل سۈپەتلىك مولېكۇلىلار تەلىماتى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماددىنىڭ ئەڭ كىچىك زەررىچىلىرى (مولېكۇلا) لىرىنىڭ سۈپەت ۋە مىقدار جەھەتتىكى پەرقى ماددىنىڭ كۆپ خىللىقىنى پەيدا قىلىدۇ؛ ئانئورگانىك دۇنيا مۇئەييەن شارائىت ئاستىدا ئورگانىك دۇنياغا ئايلىنىدۇ. ھەممە نەرسە يېڭىلىنىپ-ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مۇتلەق جىمجىتلىق بولمايدۇ، ئىنسانلارنىڭ بىلىشى — تۇيغۇ تەجرىبىلىرىدىن باشلىنىدۇ، بىلىش ئۇسۇلى تەبىئەتنى كۆزىتىش، تەبىئەت ئۈستىدە پىكىر قىلىش ۋە ئۇنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك بىلىش ئۇسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇ يەنە، قانۇنچىلارنىڭ كەشپىياتى تۈپەيلىدىن، كىشىلەرنى تەبىئىي ھالەتتىن ئايرىلىپ جەمئىيەت بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، ھەرقايسى ئەللەردىكى شارائىت ئوخشاش بولمىغانلىقىدىن پادىشاھلىق تۈزۈمى بىلەن دېموكراتىك تۈزۈمى پەرقى كېلىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن پەقەت خەلقلا ئىگىلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى، دۆلەت خەلققە بەخت يارىتىپ بېرىشى كېرەك؛ قانۇن ھەممىگە قادىر، پۇقرالار قانۇن ئالدىدا باپباراۋەردۇر، فېئوداللىق كونا قانۇننى تۈپ ئاساسىدىن ئىسلاھ قىلىش كېرەك، دەپ ھېسابلىغان. ئۇ يېقىنقى زامان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ يولباشچىسى. ئۇنىڭ «پەلسەپىۋى پىكىر خاتىرىلىرى»، «تەبىئەت توغرىسىدا ئىزاھلار»، «راھىبە»، «رامۇنىڭ جىيەن ئوغلى»، «دالامبېرنىڭ چۈشى»، «دالامبېر بىلەن دىدېرونىڭ سۆھبىتى»، «ماددا ۋە ھەرىكەتنىڭ پەلسەپىۋى قائىدىلىرى توغرىسىدا» قاتارلىق ئاساسلىق ئەسەرلىرى بار.

دىسرائېلى

  • دىسرائېلى[يەشمىسى:]Benjamin Disraeli، 1804 — 1881) ئەنگلىيە باش ۋەزىرى (1867 — 1868، 1874 — 1880). مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. يەھۇدىي سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، 1817-يىلى پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن پروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 1832-يىلى سىياسىي ساھەگە قەدەم قويغان، 1837-يىلى تۆۋەن پالاتادىكى مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. تورى پارتىيىسىنى مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلغاندا مۇھىم رول ئوينىغان. 1847-يىلدىن باشلاپ پارلامېنتتىكى ئۆكتىچىلەر پارتىيىسىنىڭ داھىيسى بولغان. ئۈچ قېتىم مالىيە ۋەزىرى (1852-، 1858-، 1865-) بولغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە مۇستەملىكىچىلىك-كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يولغا قويغان. 1875-يىلى پاي چېكى سېتىۋېلىش ئۇسۇلى بىلەن سۇۋەيش قانىلىنى كونترول قىلغان؛ 1877-يىلى ئەنگلىيە كورۇلىۋاسى ۋىكتورىيەگە تاج كىيدۈرۈپ ھىندىستاننىڭ كورۇلىۋاسى قىلغان؛ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىش (1878 — 1879) ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى زۇلۇلارنى بويسۇندۇرۇش (1879) ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1878-يىلى تۈركىيىنىڭ قولىدىن سىپرۇسنى تارتىۋالغان. 1880-يىلى ئافغانىستانغا قىلغان مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ۋە بۇرلارنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشى ئارقىسىدا، ئىچكى كابىنېت تەختتىن چۈشكەن. ئۇنىڭ «ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە»، «ئەنگلىيە ئاساسىي قانۇنىنى ئېنىق پەرق ئېتىش توغرىسىدا»، «خۇيگچىلىق روھى»،«لورد گىئورگى بىدىنكىنىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ۋە بەزى ھېكايىلىرى بار.

دىشېڭ سۇلەي (ئوگىئۇسوراي)

  • دىشېڭ سۇلەي (ئوگىئۇسوراي)[يەشمىسى:]1666 — 1728) ياپونىيىدىكى ئېدوگاۋانىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى ئالىم. ئەسلى فامىلىسى موتسۇبې ئىدوگاۋادا تۇغۇلغان، ئىسمى سوشو، تەخەللۇسى شىگېرو، لەقىمى سوراي. ئۇنىڭ دادىسى كاتاتوكى سىياگون كوكېچى (1646 — 1709) نىڭ دوختۇرى بولغان. بالا ۋاقتىدا جۇزى تەلىماتىنى ئۆگەنگەن. كېيىن دادىسى نەزەربەند قىلىنغاندىن كېيىن، دادىسىغا ئەگىشىپ كازۇسا (ھازىرقى چىبا ناھىيىسى) غا بېرىپ، ئۆز ئالدىغا 12 يىل ئوقۇغان. 1690-يىلى (يۈنلونىڭ 3-يىلى) كەچۈرۈم قىلىنىپ ئېدوگاۋاغا قايتقان. 1696-يىلى ياناگىساۋا تەرىپىدىن ئۆستۈرۈلگەن ھەمدە ئۇنىڭغا مەسلىھەت بەرگەن. كوكېچى ئۆلگەندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى لى پەنلۇڭ، ۋاڭ شىجېنلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، قەدىمكى تىل لۇغەتشۇناسلىقىنى بەرپا قىلغان. دانىشمەنلەر بەلگىلىگەن تۈزۈملەرنى رېئاللىققا قاراپ ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى:«تەرىقەت توغرىسىدا»، «ئۇقۇم توغرىسىدا»، «سىياسەت ھەققىدە» قاتارلىقلار. ئۇنىڭ تەلىماتىغا تايزاي (1680 — 1747) ۋارىسلىق قىلغان، ئۇنىڭ شېئىر ئۇسلۇبىغا خاتتورى (1683 — 1759) ۋارىسلىق قىلغان.

دېكابر ئاساسىي قانۇنى

  • دېكابر ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:] 1867-يىلى ئاۋسترىيە ئېلان قىلغان ئاساسىي قانۇن. 1867-يىلى 6-ئايدا ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى نېلايتانىيىدىكى بۇرژۇئازىيە بىلەن بولغان زىددىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، 12-ئايدا يېڭى ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلىپ، سىياسىي جەھەتتىن بىرمۇنچە يول قويغان. مەزكۇر ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن پارلامېنتنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسى كېڭەيتىلگەن، ھەرقايسى مىنىستىرلىكلەرنىڭ ۋەزىرلىرى پارلامېنت ئالدىدا جاۋابكار بولغان، ئومۇميۈزلۈك ھەربىي خىزمەت ئۆتەش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، باج ئىشلىرى، دىنىي ئىشلار، باشقۇرۇش ئورگانلىرى ۋە مەكتەپلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان. 1855-يىلى رىم ۋاتىكانى بىلەن تۈزگەن ھۆكۈمەت-دىن كېلىشىمى بىكار قىلىنغان ۋەھاكازالار. لېكىن يېڭى ئاساسىي قانۇنغا ئاساسلانغاندا، خان جەمەتى ۋە ئاقسۆڭەكلەر يەنىلا زور ئىمتىيازغا ئىگە بولغان؛ ئاۋسترىيە كورۇلى پارلامېنت يېپىق مەزگىلدە ئالاھىدە پەرمان ئېلان قىلىش، ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتنى بېكىتىش جەھەتلەردە ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان؛ يۇقىرى پالاتا (ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسى) ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە ئۆمۈرۋايەت ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان يەر ئىگىلىرى بولغان ئاقسۆڭەكلەردىن كېلىپ چىققان پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان؛ كاتولىك دىنى سىياسىي ھاياتتا يەنىلا ناھايىتى زور ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولغان. مەزكۇر ئاساسىي قانۇن بۇرژۇئازىيىنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى كېڭەيتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا يەنىلا قويۇق فېئوداللىق قالدۇق قېپقالغان.

دېكابر قوراللىق قوزغىلىڭى

  • دېكابر قوراللىق قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] روسىيىنىڭ 1905-يىل ئىقىلابى مەزگىلىدە موسكۋا ۋە باشقا نۇرغۇن شەھەرلەردە كۆتۈرۈلگەن قوراللىق قوزغىلاڭ. ئۆكتەبردىكى روسىيە بويىچە كەڭ كۆلەملىك سىياسىي ئىش تاشلاش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ئىنقىلابىي ھەرىكەت ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدى. 12-ئاينىڭ 7-كۈنى (روسىيە كالېندارى بويىچە)موسكۋا ئىشچىلار ۋەكىللىرى سوۋېتى، شەھەرلىك بولشېۋىكلار قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، «بارلىق ئىشچى، ئەسكەر ۋە پۇقرالارغا مۇراجىئەتنامە»ئېلان قىلىپ، سىياسىي ئىش تاشلاشنى جاكارلىغان. چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىگە قارشى قەتئىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. تەخمىنەن 600 كارخانا (100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى) ئىش توختاتقان. ئىككىنچى كۈنى كېچىدە، شەھەردىكى بولشېۋىكلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن شانسېر (Л . В Щаицер، 1867 — 1911)، ۋاسىلېۋ يۇژىن (Вачильев Южин.И.М، 1876 — 1937) قولغا ئېلىنغان. 9-كۈنى ئىش تاشلاش قوراللىق قوزغىلاڭغا ئايلانغان. تەخمىنەن 8000 نەپەر ئىشچى قىزىل گۋاردىيىچىلار ھەربىي-ساقچىلار بىلەن ئېلىشقان. قوزغىلاڭ ھارپىسىدا رەھبىرىي كۈچنىڭ ئاجىزلاشقانلىقى ۋە بىر تۇتاش پىلان ۋە ھەرىكەتنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، 19-كۈنى قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. دون دەرياسى بويىدىكى روستوۋ، سورموۋو، كراسنويارسكى، نوۋوروسسىيىس-ك (Новорссииск) قاتارلىق شەھەرلەر ۋە گرۇزىيە، لاتۋىيە، ئۇكرائىنا قاتارلىق ئېزىلگۈچى مىللەتلەر رايونىدىكى قوزغىلاڭمۇ كەينى-كەينىدىن باستۇرۇلغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ روسىيىدىكى تۇنجى بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىي تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى دولقۇنى بولۇپ قالغان.

دېكابرىستلار

  • دېكابرىستلار[يەشمىسى:] روسىيە ئاقسۆڭەك ئىنقىلابچىلىرى 1825-يىلى 12-ئايدا (روسىيە كالېندارى بويىچە)چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىتلىك تۈزۈمىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكتىن، شۇنداق ئاتالغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرى، روسىيىدە يانچىلىق تۈزۈم بارغانسېرى زاۋالغا يۈز تۇتۇپ، كاپىتالىزم ئۈزلۈكسىز راۋاجلانغانلىقتىن فېئودال ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئىچكى قىسمىدا پارچىلىنىش يۈز بەرگەن. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى ۋە 1812-يىلدىكى روسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىنىڭ تەسىرى بىلەن، روسىيىدىكى تەرەققىيپەرۋەر ئاقسۆڭەك ئوفىتسېرلار 1816-يىلى تۇنجى مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات «ۋەتەن قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى»نى قۇرغان، ئىككى يىلدىن كېيىن «بەخت جەمئىيىتى»گە ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن، 1821-يىلى تارقىلىپ كەتكەن. شۇ يىلى مۇراۋىيوۋ رەھبەرلىكىدىكى شىمال جەمئىيىتى بىلەن پېسېنتېل رەھبەرلىكىدىكى جەنۇب جەمئىيىتى شەكىللەنگەن. بۇلار قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، يانچىلىق تۈزۈمىنى ۋە مۇستەبىتلىك تۈزۈمىنى يوقىتىشنى، پادىشاھلىق-ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنى ياكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1825-يىل 12-ئاينىڭ 14-كۈنى (روسىيە كالېندارى بويىچە)، شىمال جەمئىيىتى چار پادىشاھ ئالېكساندر Ⅰ نىڭ ئۇشتۇمتۇت ۋاپات بولۇپ، پادىشاھلىق ئورۇن بوش قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پېتربۇرگدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 12-ئاينىڭ 29-كۈنى (روسىيە كالېندارى بويىچە)، جەنۇب جەمئىيىتىمۇ ئوكرائىنادا چېرنىگوۋ پولكىنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرغان. بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقتىن ئايرىلغانلىقتىن، كەينى-كەينىدىن باستۇرۇلغان. 1826-يىلى پېسېنتېل، مۇراۋىيېۋ، ئاپوستول قاتارلىق بەش كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. 121 كىشى سۈرگۈن قىلىنغان. بىراق دېكابرچىلارنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرى خەلقنىڭ ئويغىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دىكتاتور

  • دىكتاتور[يەشمىسى:] لاتىنچە dictator نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، «ھاكىممۇتلەق ئەمەلدار» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمكى رىم جۇمھۇرىيىتىدىكى قەرەلسىز ئالىي باشلىق. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن . رىم دۆلىتى جىددىي ئەھۋالدا قالغان (ئادەتتە ئۇرۇش مەزگىلىدە) چاغدا سېنات قارار قىلىپ بىر كىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، كونسۇل تەيىنلەش رەسمىيىتىنى ئۆتەپ بەرگەن، ئۇنىڭ مۇددىتى ئالتە ئايدىن ئاشمىغان. زۆرۈر تېپىلغاندا قايتىدىن تەيىنلەنگەن (ۋەزىپە ئاياغلاشقاندىن كېيىن مەنسەپتىن قالغان). دىكتاتور ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، زور ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا تولۇق ھوقۇققا ئىگە بولۇپ، خەلق ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا قەتئىي بويسۇنۇشى لازىم ئىدى. دىكتاتور سەپەرگە ئاتلانغاندا فاشىست كالتىكىنى كۆتۈرگەن 12 نەپەر لىكتور (Lictor) قوغداپ ماڭغان. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ھۆكۈمرانلاردىن سوللا، كائېسار دەرىجە ئاتلاپ، ئۆمۈرۋايەتلىك دىكتاتور بولغان. كائېسار قەتل قىلىنغاندىن كېيىن (مىلادىدىن 44 يىل ئىلگىرى)، كونسۇل ئانتونىنىڭ تەكلىپى، سېناتنىڭ قارارى بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ دىكتاتور (ھاكىممۇتلەق) تەيىنلىمەسلىكنى بەلگىلىگەن.

دىكېئوس

  • دىكېئوس[يەشمىسى:]Grigorios Dikeos، 1825 — 1788) گرېتسىيە مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى. 1821-يىلى گرېتسىيە مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، قوزغىلاڭچىلار لاگېرىدىكى دېموكراتلار ۋەكىلى بولغان. شۇ يىلى 1-ئايدا مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات ھېتارىيىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن مولياغا بېرىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇشقا كۆپ قېتىم قاتناشقان. 1823-يىلى خەلق پارلامېنتى تەرىپىدىن ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگەن، 1824-يىلى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. كېيىن موليادا ئىبراھىم پاشا قوماندانلىقىدىكى مىسىر قوشۇنىغا توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە قوماندانلىق قىلىۋاتقاندا قۇربان بولغان.

دىكېنىس

  • دىكېنىس[يەشمىسى:]Charles Dickens، 1812 — 1870) ئەنگلىيىلىك يازغۇچى. كىچىك خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بالا ئىشچى بولغان. كېيىن قانۇن كونتوراسىدا كاتىپلىق قىلغان. ئۇ، تېز خاتىرىلەشكە ماھىر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇزاق ئۆتمەي «خەۋەر ئەتىگەنلىك گېزىتى»نىڭ مۇخبىرلىقىغا تەكلىپ قىلىنىپ، ئوچېرىك ۋە ھېكايىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. 1837-يىلى «پېكۋىكنىڭ غەيرىي تەرجىمىھالى» ناملىق رومانىنى ئېلان قىلىپ، بۇرژۇئا دېموكراتىيىسىنىڭ ساختىلىقىنى مەسخىرە قىلىپ، پەيدىنپەي داڭق چىقارغان. 1838-ۋە 1839-يىللىرى «ئولف توشكىي» ۋە «نىگولاس نىكوربىر» ناملىق رومانلىرىنى يېزىپ، كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى نامرات ئۆسمۈرلەرنىڭ پاجىئەلىك ھاياتىنى تەسۋىرلەپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئورنىنىڭ ۋە مەكتەپ مائارىپىنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىنى ئېچىپ بەرگەن. 1842-يىلى ئامېرىكىغا ساياھەتكە بارغاندىن كېيىن، «ئامېرىكا خاتىرىلىرى» ۋە «مارتىن چۇشرېۋېت» ناملىق روماننى ئېلان قىلىپ، ئىرقىي كەمسىتىش ۋە پۇل ئېتىقادچىلىقىنى قامچىلىغان. 1846-يىلى لوندوندىكى «كۈنلۈك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ تۇنجى باش مۇھەررىرلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەت ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ ئىجتىمائىي رېئاللىققا ئىگە بولغان. 50-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇدا «ئاتا-بالا دونبېر»، «داۋىد كېفېرىد»، «چۆلدەرەپ قالغان تاغلىق كەنت»، «رىيازەتلىك دۇنيا» قاتارلىق رومانلىرىنى يېزىپ چىقىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئاچكۆزلۈكى، ساختىپەزلىكى ۋە ئەدلىيە، مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ چىرىكلەشكەنلىكىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ پاش قىلغان. 1859-يىلى «قوش قەلئە خاتىرىسى» ناملىق رومانىنى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭدا فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ۋەھشىيلىكىنى پاش قىلغان. دىكېنىسنىڭ ئەسەرلىرى گۇمانىزمنى چىقىش قىلىپ، كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى رەزىل رېئاللىققا ھۇجۇم قىلىپ، جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ ئەنگلىيە تەنقىدىي رېئالىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى.

دىڭ بۇلىڭ

  • دىڭ بۇلىڭ[يەشمىسى:]923 — 979) ۋيېتنام دىڭ سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. تارىختا دىڭ شيەنخۇاڭ دەپ ئاتالغان. خۇەنجۇنىڭ ئايماق بېگى دىڭ گۇڭجۇنىڭ ئوغلى. دەسلەپتە 12 ئايماق بېگىنىڭ بىرى بولغان چېن مىڭگۇڭ قوشۇنىدا لەشكەر بېشى بولغان. كېيىن ئۇنىڭ قوشۇنىنى باشلاپ 12 ئايماقنى يوقىتىپ، مىلادى 968-يىلى داچۈيۆ دۆلىتىنى قۇرۇپ، ئۆزىنى «دانا، غالىب شاھ» دەپ ئاتاپ، خۇالۇي (ھازىرقى نىڭپىڭ)نى پايتەخت قىلغان. ئۇ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان چاغدا، مەمۇرىيەت، ھەربىي تەشكىلاتلارنى تەرتىپكە سېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئون ئۆلكىگە بۆلۈپ ھەربىر ئۆلكىدە ئون قوشۇن ئورۇنلاشتۇرغان. ئون ئۆلكىنىڭ سانغۇنىنى ئەڭ ئالىي قوماندان قىلىپ بېكىتكەن. قاتتىق جازا ۋە قانۇن ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىقنى قوغدىغان. سۇڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، 973-يىلى ھىندىچىنى خانى دېگەن نامغا ئېرىشكەن، 979-يىلى ئوغلى دىڭ ليەن بىلەن بىللە ياساۋۇل دۇسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئىككىنچى يىلى دىڭ سۇلالىسى لى خۇەن تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.

دىڭ روجۇڭ

  • دىڭ روجۇڭ[يەشمىسى:]1760 — 1801) چاۋشيەن لى سۇلالىسىدىكى دىنىي ئەرباپ. دىڭ رويۇڭنىڭ ئاكىسى. ياش ۋاقتىدا ئۇ كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، كاتولىك دىنىنىڭ ئەقىدىسىنى كەڭ تارقىتىش ئۈچۈن، «تەۋرات» سۈرىلىرىنى تاللاپ چىقىپ ئىزاھلاپ، چاۋشيەن يېزىقىدا ئىككى توملۇق «كاتولىك دىنىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى»نى يېزىپ چىققان. ئۇ سۈي چاڭشيەن بىلەن بىللە كاتولىك دىنىنىڭ ئىككى چوڭ ئاقساقىلى بولغان. 1800-يىلى مىڭداۋخۇي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. ئىككىنچى يىلى، «توخۇ يىلى دىن ئىشلىرى دېلوسى» بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

دىڭ رويۇڭ

  • دىڭ رويۇڭ[يەشمىسى:]1762 — 1836) چاۋشيەن لى سۇلالىسى پراكتىكا ئىلمىي ئېقىمىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئالىم. ئىسمى مېييۇڭ، تەخەللۇسى چاشەن، چىئەن، يۈي يۇتاڭ، سەنمېي ۋەھاكازالار. ئۇنۋانى ۋېندۇ. ئەسلى يۇرتى چۈەنلوداۋ ئۆلكىسىدىكى لوجۇ (سېئۇل)دىن، سېئۇل شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ياڭجۇ ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. 1776-يىلى پايتەختكە بېرىپ لى يىنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن قول يازمىلىرىنى ئوقۇپ ئەمەلىي بىلىمگە بېرىلىپ كەتكەن ھەمدە لى نيې بىلەن ئارىلىشىپ، غەربنىڭ يېقىنقى زامان ئىلمىي ۋە دېموكراتىك ئىدىيىسى بىلەن ئۇچراشقان. 1789-يىلى ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. خانلىق كۇتۇپخانىنىڭ مىرزىسى، جازا پىرقىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. كران ياساپ، شۇييۈەن شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشقان. كاتولىك پوپى جۇۋېنمۇ ۋەقەسىگە چېتىلىپ قېلىپ، ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلىنىپ جۇڭچىڭ ئۆلكىسى خۇڭجۇدىكى جىنجىڭنىڭ نازارەتچىسى، خۇاڭخەي ئۆلكىسى گۇشەن مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى بولغان. 1801-يىلى شىنيۇ دىنىي ئىشلار دېلوسى يۈز بەرگەندە ئاكىسى دىڭ روجۇڭنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ دېلوغا چېتىلىپ قېلىپ، چىڭشاڭ ئۆلكىسىنىڭ چاڭچى دېگەن يېرىگە سۈرگۈن قىلىنغان. خۇاڭ سىيۇڭنىڭ شايىغا يېزىلغان خېتى ۋەقەسى تۈپەيلىدىن، چۈەنلو ئۆلكىسىنىڭ كاڭجىن دېگەن يېرىگە سۈرگۈن قىلىنغان. سۈرگۈن قىلىنغان 18 يىل داۋامىدا ئۇ چاۋشيەن ۋە چەتنىڭ قەدىمكى كىتابلىرىنى ۋە غەربنىڭ يېڭى پەنلىرىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان. 1818-يىلى كەچۈرۈم قىلىنىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ، داۋاملىق ئەسەر يېزىشقا بېرىلگەن. ئاخىر ئەمەلىي ئىلىم ئېقىمىدىكى مەشھۇر ئالىم بولۇپ چىققان، ئەقلىي تەتقىقات ۋە خەلقنى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت ئەمەلىي مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بەرگەن. «يۈي يۇڭتاڭ قامۇسى»نى يازغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن «ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ تەۋەررۈك ئۈلگىلىرى»، «پۇقرالارنىڭ يۈرەك ساداسى»، «بۈيۈك كورىيە زېمىنىنى تەكشۈرۈش»، «ماۋخېڭ-ماۋچاڭ نەزمىلىرى دەرسلىكى»قاتارلىقلار بار.

دىمىتروۋ

  • دىمىتروۋ[يەشمىسى:]Георгий Мнxайлович Димитров، 1882 — 1949) بۇلغارىيە كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى ۋە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى (1946 — 1949)، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ ئەربابى. ئىشچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، مەتبەئە ئىشچىسى بولغان. 1902-يىلى ئىشچىلار سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيىسىگە كىرگەن. ئىككىنچى يىلى بۇ پارتىيە پارچىلانغاندا، «ئىتتىپاق تەرەپدارلىرى»نىڭ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، 1903-يىلى بۇ گۇرۇھنىڭ سوفىيىدە تەشكىللىگەن دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1909-يىلى يەنە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، بۇلغارىيە ئىنقىلابىي ئىشچى-خىزمەتچىلەر باش ئىتتىپاقىنىڭ سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. 1919-يىلى «ئىتتىپاق تەرەپدارلىرى» بۇلغارىيە كومپارتىيىسىگە ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەندىن كېيىن، رەھبەرلىك خىزمىتىنى داۋاملىق ئۈستىگە ئالغان ھەمدە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 3-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ (1921)، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1923-يىلى سېنتەبر قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1933-يىلى گىتلېر رېيخىستاگقا ئوت قويۇش دېلوسىنى پەيدا قىلغاندا قولغا ئېلىنغان، لېيپسىگتا سوراق قىلىنغاندا فاشىستلارنىڭ جىنايىتىنى پاش قىلغان، كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. 1934-يىلى 7-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارغان. 1935 — 1943-يىللىرى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1942-يىلى بۇلغارىيە ۋەتەن فرونتىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1944-يىلى سېنتەبر قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1945-يىلى 11-ئايدا ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ئازادلىقتىن كېيىن بۇلغارىيە كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى ۋە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولغان. 1949-يىل 7-ئاينىڭ 2-كۈنى موسكۋادا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.«رېيخىستاگقا ئوت قويۇش دېلوسى»، «لېيپسىگ سوتى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

دمىترىي دونىسكوي

  • دمىترىي دونىسكوي[يەشمىسى:]Дмитрий Ивнавович Донскои، 1350 — 1389) موسكۋا كىنەزى(1359 — 1389)، ۋلادىمىز كىنەزى (1363 ياكى 1362— 1389). ئەس-لى ئىسمى دمىترىي ئىۋانوۋىچ. ئىۋان Ⅰ (ھەميان) نىڭ نەۋرىسى. ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە، موسكۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، كونا ياغاچ شەھەرنىڭ تېشىدا تاش شەھەر قۇرغان. پۈتۈن روسىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، باشقا كىنەزلىكنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 1368 — 1375-يىللاردا قوشنىسى تېۋىر، رەيازان، تۆۋەنكى نوۋگورود قاتارلىق كىنەزلىكلەر بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇش قىلىپ، تېۋىرنى مۇستەقىل دىپلوماتىيە سىياسىتىدىن ۋاز كېچىش قاتارلىق شەرتلەر بىلەن، موسكۋا بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان ھەمدە غەيرىي رۇسلار رايونلىرىغا (مەسىلەن، ۋىچېگىدا دەرياسى ۋادىسى) تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ كۈنسايىن قۇدرەت تېپىشىغا ئەگىشىپ، موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇشنى جىددىي تەلەپ قىلغان. 1380-يىل 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 150 مىڭ روسىيىلىك ئەسكەرنى باشلاپ، دون دەرياسى يېنىدىكى كۇرىكوپ جېڭىدە موڭغۇلىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ «دونىسكوئىن» (مەنىسى «دون پادىشاھى» دېگەنلىك)دەپ نام ئالغان. 1382-يىلى قايتا باستۇرۇپ كەلگەن قىپچاق خانلىقىنىڭ يېڭى خانى توتومىش تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، يەنە ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.

دىناۋەر

  • دىناۋەر[يەشمىسى:]Dinawari al، تەخمىنەن 815 — 895) ئەرەب تارىخشۇناسى. پارىس. بەسرە ۋە كۇفە شەھىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان. «بايان» ناملىق ئەسىرى — پارىسلارنىڭ كۆز قارىشى بىلەن يېزىلغان دۇنيا تارىخى بولۇپ، ئۇنىڭدا مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىكى ماكېدونىيە پادىشاھى ئالېكساندردىن Ⅺ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان تارىخ بايان قىلىنغان.

دىنگائان

  • دىنگائان[يەشمىسى:]Dinggaan، 1795 - 1840( جەنۇبىي ئافرىقىدىكى زۇلۇ (Zulu)لارنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈرىشىنىڭ داھىيسى، زۇلۇ دۆلىتىنىڭ پادىشاھى (1828 — 1840)، شاكانىڭ ئاتا باشقا قېرىندىشى. 1828-يىلى تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، شاكانىڭ ھەربىي كۈچ ۋە ئىتتىپاقنى كۈچەيتىش سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەنگلىيە بىلەن بولغان سودا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرغان. 1837-يىلىدىن باشلاپ بۇرلارغا (Boers) قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان، 1840-يىلى بۇرلار ئۇنىڭ ئۇكىسى مپاندې (Mpande) بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئۇنىڭ قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغان، دىنگائان كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، مپاندې پادىشاھلىق ئورۇننى تارتىۋالغان.

دىنگىسۋايو

  • دىنگىسۋايو[يەشمىسى:]Dingiswayo، تەخمىنەن 1770 — 1817) جەنۇبىي ئافرىقىدىكى زۇلۇلارنىڭ قەبىلە باشلىقى. مزېزۋا (Mthethwa) قەبىلىسى باشلىقىنىڭ ئوغلى. كېيىن دادىسى بىلەن يامانلىشىپ قېلىپ سىرتتا سەرسان بولۇپ يۈرگەن. 1797-يىلى قايتىپ كېلىپ، ئاكىسىنى قەست قىلىپ ئۆلتۈرۈپ، تەختكە چىقىۋالغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرى شىمالىي ناتالدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئارمىيىنى ئىسلاھ قىلغان، ياش-قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ھەربىي سەپكە كىرىپ قاتتىق تەربىيە ئېلىشى كېرەك دەپ بەلگ-ىلىگەن؛ مۇزامبېكتىكى پورتۇگالىيە سودا پونكىتلىرى بىلەن پىل چىشى ۋە كۆن-خۇرۇم سودىسىنى قىلىشقا ئىلھام بەرگەن. 1817-يىلى زۇئېدې (Zwede) قەبىلىسى بىلەن بولغان جەڭدە ئۆلتۈرۈلگەن.

دىننى تازىلاش ھەرىكىتى

  • دىننى تازىلاش ھەرىكىتى[يەشمىسى:] «پورىتان»غا قاراڭ.

دىنىي سوت ئورنى

  • دىنىي سوت ئورنى[يەشمىسى:] يەنى «بىدئەتلەرگە ھۆكۈم قىلىش ئورنى».

دىنىي سوت

  • دىنىي سوت[يەشمىسى:] يەنى «بىدئەتلەرگە ھۆكۈم قىلىش ئورنى».

دىنىي باج رەختى

  • دىنىي باج رەختى[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئالۋان-ياساقنىڭ بىر تۈرى. لى سۇلالىسى دەۋرىدە جياڭيۇەن ئۆلكىسى بىلەن شيەنجىڭ ئۆلكىسىدىكى پېرىخونلاردىن دىنىي باج ئېلىنغان. شىزۇ (1455—1468-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ ئاخىرقى يىللىرى بۇ خىل باج ئېلىش دائىرىسىنى شيەنجىڭ ئۆلكىسىنىڭ بارلىق پۇقرالىرىغىچە كېڭەيتىپ، كاناپ قاتارلىق نەق نەرسىلەر تاپشۇرۇلۇپ، ئۇنى دىنىي باج رەختى، دەپ ئاتىغان. 1467-يىلى شيەنجىڭ ئۆلكىسىدە دېھقانلار ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا مۇشۇ دىنىي باج رەختىنىڭ ئېلىنىشى بىۋاسىتە سەۋەب بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن لى سۇلالىسى دىنىي باج رەختىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. «لى شىئەي قوزغىلىڭى»غا قاراڭ.

دىنىس

  • دىنىس[يەشمىسى:]Dinis ياكى Diniz، 1261 — 1325) پورتۇگالىيە بۇرگۇند خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1279 — 1325). ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە، ئوتتۇرا ۋە ئۇششاق فېئوداللار ھەم شەھەر خەلقىگە تايىنىپ، چوڭ فېئوداللارنى كونترول قىلىپ، چېركاۋ كۈچلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن؛ يېزا ئىگىلىكىنى ئىسلاھ قىلىپ، يېڭى تېرىقچىلىق ئۇسۇلىنى كىرگۈزۈپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈزۈپ، سازلىقلارنى تىزگىنلىتىپ، پورتۇگالىيىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىشىنى ئۆز ئۆزىنى تەمىنلەپ ئېشىنىدىغان ھالغا كەلتۈرگەن، شۇڭا ئۇ «دېھقان كورۇل»(O Rei Lavrador)دېگەن نامغا ئېرىشكەن؛ كان سانائىتى (ئاساسلىقى ئالتۇن قېزىش)نى يولغا قويۇپ، تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇپ،1294-يىلى ئەنگلىيە بىلەن سودا شەرتنامىسى ئىمزالىغان. پورتۇگالىيىنىڭ سودا كېمىلىرى ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە فلاندىرىيىگە قاتنىغان، چەت ئەل سودىگەرلىرىمۇ لىسابونغا كېلىپ سودا قىلغان؛ مەدەنىيەتنى مۇكاپاتلاپ، پورتۇگالىيە يېزىقىنى لاتىن يېزىقى بىلەن ھۆكۈمەت خەت-ئالاقىلىرىنى يېزىشنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن ھەمدە نۇرغۇن ئەرەبچە ئەسەرلەرنى پورتۇگالىيە تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرغان. 1290-يىلى لىسابون ئۇنىۋېرسىتېتىنى بەرپا قىلىپ، 1308-يىلى مەكتەپنى كوئىمبرا (Coimbra، پورتۇگالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا) غا كۆچۈرگەن. (2) جۇلىئو دىنىس (Julio Dinis، 1839 — 1871) پورتۇگالىيىلىك يازغۇچى. ئەسلى ئىسمى جوئاكىن گىلېرمې گومېس كوئېلو(Joaquin Guilherme Gomes Coelho). تىببىي پەن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن پورتو مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1862-يىلدىن باشلاپ ھېكايە ئېلان قىلغان. ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە بۇرژۇئازىيە ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەكىتلەپ، ئاقسۆڭەكلەرگە نىسبەتەن ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان. «مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى» ۋە «بىر ئەنگلىيە ئائىلىسى» ناملىق ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرىدە يېزا تۇرمۇشى ۋە پورتودىكى ئىنگلىزلار جەمئىيىتىنى تەسۋىرلىگەن. شېئىر ۋە سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغان. سىل كېسىلى بىلەن ئۆلگەن.

دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى

  • دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى[يەشمىسى:] «دىنىي ئىسلاھات» دېگەن سۆز لاتىنچە reformatio دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، «ئىسلاھات»، «ئۆزگەرتىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ⅩⅥ ئەسىردە ياۋروپا رىم كاتولىك جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئىسلاھات ھەرىكىتىگە قارشى تۇرغان. بۇنداق قارشىلىق گېرمانىيە، شۋېتسارىيە، سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرى، ئاۋسترالىيە، نېدېرلاندىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، چېخوسلوۋاكىيە، ۋېنگرىيە ۋە پولشا قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ مەيدانغا كەلگەن. بۇ مەزگىلدە ياۋروپادىكى فېئوداللىق تۈزۈم يىمىرىلىشكە باشلاپ، كاپىتالىزم باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، مىللىي دۆلەتلەر بارا-بارا شەكىللىنىشكە باشلىغان. لېكىن پاپا باشچىلىقىدىكى رىم كاتولىك چېركاۋى جېنىنىڭ بارىچە كونا فېئوداللىق تەرتىپلەرنى ساقلاپ قېلىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغان، مانا بۇ زىددىيەتنىڭ نۇقتىسى بولۇپ قالغان. 1517-يىلى مارتىن لۇتېر «توقسان بەش ماددىلىق پروگرامما» ئېلان قىلىپ پاپىنىڭ گۇناھىدىن ساقىت قىلىش بېلىتى ساتقانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، كۈرەشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقان. 1521-يىلى مارتىن لۇتېر ئاممىنىڭ ئالدىدا پاپانىڭ ئۆزىنى دىن تەۋەلىكىدىن چىقىرىۋېتىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنى كۆيدۈرۈپ، ھەرىكەتنىڭ تەرەققىيات تېزلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دىنىي ئىسلاھات داۋامىدا بارلىققا كەلگەن دىنىي مەزھەپلەر پروتېستانت دىنىي دەپ ئاتالغان. بۇ دىننىڭ كاتولىك دىنىدىن پەرقلىنىدىغان ئاساسلىق نۇقتىلىرى: «ئېتىقاد نىجاتكارلىقى»نى، يەنى ئېتىقادقا تايىنىپ نىجاتكارلىققا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، مىسسىئونېرنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى تۈرلۈك دىنىي مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى تەشەببۇس قىلغان؛ كاتولىك دىنىنىڭ دىنىي تەبىقە تۈزۈمىگە، بۇتقا چوقۇنۇشقا قارشى تۇرۇپ، ئاز ساندىكى پوپلارنى چېركاۋنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغان ۋە ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان. «ئىنجىل» نى ئېتىقادنىڭ بىردىنبىر ئاساسى قىلىشنى تەكىتلەپ، ھەممە ئادەمنىڭ «ئىنجىل» نى ئوقۇشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان؛ پاپىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى چېركاۋنىڭ ئىشلىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىشىغا ۋە ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، رىم ۋاتىكانىدىن مۇستەقىل بولۇپ چىققان مىللىي چېركاۋ قۇرۇپ چىقىپ، شۇ مىللەتنىڭ تىلى بىلەن ئىبادەت قىلىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كاتولىك دىنىنىڭ بىرمۇنچە دىنىي مۇراسىملىرىنى بىكار قىلىپ، چوقۇندۇرۇش ۋە مۇقەددەس غىزا مۇراسىمىنى ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇڭا پروتېستانت چېركاۋى «ئاددىي-ساددا چېركاۋ» دەپ ئاتالغان. دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ قاتناشچىلىرىنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، شەھەر ئاھالىسى ۋە بۇرژۇئازىيە، دېھقانلار، شەھەرلەردىكى ئاددىي پۇقرالار ھەمدە دەھرىي پادىشاھلار، فېئوداللارمۇ بار. پروتېستانت دىنىدا ئۈچ مەزھەپ بار: يەنى مارتىن لوتېر بەرپا قىلغان لوتېر مەزھىپى. گېرمانىيىدە پەيدا بولغان، كېيىن سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرى شۇنىڭدەك شۋېتسارىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان بولۇپ مۆتىدىلچىلەرگە مەنسۇپ؛ كالۋىن بەرپا قىلغان كالۋىن مەزھىپى. شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بارلىققا كەلگەن، كېيىن فرانسىيە، نېدېرلاندىيە ۋە شوتلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان بولۇپ، رادىكاللارغا مەنسۇپ؛ ئەنگلىيە ئەيسا جەمئىيىتى يەنى ئەنگلىيە دۆلەت چېركاۋى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ جەمئىيەت ئەنگلىيە كورۇلى تەرىپىدىن يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە يەردە قۇرۇلغان بولۇپ، كونسېرۋاتىپلارغا مەنسۇپ («ئەنگلىيە دىنىي ئىسلاھاتى» غا قارالسۇن). دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى پاپا ۋە كاتولىك چېركاۋى كۈچلىرىگە زەربە بېرىش، شۇنداقلا مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا فېئوداللىق تۈزۈمىگە زەربە بېرىشتە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن بارلىققا كەلگەن پروتېستانت دىنىي مەزھەپلىرى خەلق ئاممىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا يېڭى روھىي كىشەن بولۇپ قالغان.

دىنىي تەبىقە تۈزۈمى

  • دىنىي تەبىقە تۈزۈمى[يەشمىسى:] دىنىي تەبىقە سىستېمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كاتولىك چېركاۋىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەبىقە تۈزۈمى. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە پەيدا بولۇپ، غەربىي ياۋروپادىكى ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە مۇقىملاشقان. بۇ فېئودال تەبىقە تۈزۈمىنىڭ چېركاۋ ئىچىدىكى ئىنكاسى. ئۇنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئېپىسكوپ، پوپ، ياردەمچى دېگەن ئۈچ مەرتىۋىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئېپىسكوپ مەرتىۋىسىدىكىلەر يەنە پاپا، كاردىنال، پىشىۋا ئېپىسكوپ، پايتەخت ئېپىسكوپى، باش ئېپىسكوپ ۋە ئادەتتىكى ئېپىسكوپ دېگەن ئالتە دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. ئېپىسكوپتىن يۇقىرىلار يۇقىرى دەرىجىلىك مىسسىئونېر، فېئودال ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پوپتىن تۆۋەنلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك مىسسىئونېر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تولىسى ئاددىي خەلقتىن كېلىپ چىقىدۇ، تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىغا يېقىن بولىدۇ. چېركاۋ دىنىي تەبىقە تۈزۈمى بويىچە دەرىجىمۇ دەرىجە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يولغا قويىدۇ. پراۋۇسلاۋ دىنى ۋە پروتېستانت مۇقەددەس ئۇيۇشمىسى قاتارلىقلاردىمۇ مۇشۇنداق تۈزۈم بار.

دىنىي رىتسارلار پولكى

  • دىنىي رىتسارلار پولكى[يەشمىسى:] ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسى ئوتتۇرا شەرققە تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلدە غەربىي ياۋروپا فېئوداللىرى بېسىۋالغان يەرلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرغان دىنىي خاراكتېرلىك فېئودال ھەربىي تەشكىلات. جەمئىي ئۈچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ نامى ۋە قۇرۇلغان ۋاقتى مۇنداق: دوختۇرخانا رىتسارلار پولكى (Ⅻ ئەسرنىڭ باشلىرى)، تېمپىلې رىتسارلار پولكى (تەخمىنەن 1118-يىلى) ۋە تېئوتون رىتسارلار پولكى (1198-يىلى)دىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسپانىيىدە قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى داۋامىدىمۇ يەنە ئۈچ رىتسارلار پولكى قۇرۇلغان، ئۇلارنىڭ نامى ۋە قۇرۇلغان ۋاقتى مۇنداق: ئالكانتارا رىتسارلار پولكى (1156-يىلى)، كالاتراۋا رىتسارلار پولكى (1158-يىلى)ۋە سانتىياگو رىتسارلار پولكى (1161-يىلى). رىتسارلار پولكىغا پولك كوماندىرى باشچىلىق قىلغان، رىم پاپاسىغا بىۋاسىتە بويسۇنغان. پولك ئىچكى جەھەتتىن ئۈچ دەرىجىگە، يەنە رىتسار، ئارمىيە پوپى ۋە نۆكەرلەرگە بۆلۈنگەن. رىتسارلار پولكى شەرق ۋە غەربىي ياۋروپادا كۆپلىگەن يەر مۈلۈكلەرنى ئىگىلىۋالغان ھەمدە پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، دېھقانلار ۋە باشقا ئەمگەكچى خەلقنى دەھشەتلىك تۈردە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغان. ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسى شەرققە تاجاۋۇز قىلىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن دوختۇرخانا رىتسارلار پولكى ۋە تېمپىلې رىتسارلار پولكى غەربىي ياۋروپادا پائالىيەت ئېلىپ بارغان. تېئوتون رىتسارلار پولكى پولشاغا كىرىپ پرۇسسىيىنى بويسۇندۇرغان؛ كېيىن، يەنى 1237-يىلى قىلىچ بەلگىلىك رىتسارلار پولكى بىلەن قوشۇلۇپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بالتىق دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغاقلىرىغا كېڭەيگەن. ⅩⅣ ۋە ⅩⅤ ئەسىردە ياۋروپادىك-ى مونارخىيىلىك ھاكىمىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ دىننىي رىتسارلار پولكىنىڭ سىياسىي تەسىرى ئاستا-ئاستا ئاجىزلاپ كەتكەن.

دىئودورۇس

  • دىئودورۇس[يەشمىسى:]Diodorus Siculus، مىلادىدىن تەخمىنەن 90 — 21 يىل ئىلگىرى) رىم ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىدە ئۆتكەن سىتسىلىيىلىك تارىخشۇناس. ئۇزۇن مۇددەت رىمدا تۇرغان. مىسىر ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرى رايونىدا زىيارەتتە بولغان. يۇنان تىلىدا «دۇنيا تارىخى» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىققان. بۇ ئەسەر 40 توملۇق بولۇپ، يىراق قەدىمكى زاماندىن تارتىپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردىكى رىم ئىچكى ئۇرۇش دەۋرىگىچە بولغان ۋەقەنى بايان قىلغان. ئەسەر «ئولىمپىئادا» نى يىلنامە قىلغان. بۇنىڭدىن بىزگە ئاران 1 — 5-توملىرى بىلەن 11 — 20-توملىرى ۋە باشقا توملىرىنىڭ پارچىلىرى يېتىپ كەلگەن. ئاپتور بۇ ئەسىرىدە پۈتكۈل قەدىمكى زامان دۇنيا تارىخىنى يازماقچى بولغان. شىمالىي ئافرىقا، مېسوپوتامىيە ۋادىسى، قارا دېڭىز قىرغاقلىرى، ئەرەبىستان ۋە يۇنان، رىم قاتارلىق جايلارنىڭ تارىخىي ۋەقەلىرى بايان قىلىنغان. بىراق ئەسەرنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى گرېتسىيە تارىخى بولۇپ، رىم تارىخىي ئۈستىدىمۇ قىسمەن توختالغان. ئاپتورنىڭ تارىخىي ماتېرىياللارنى تاللاش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىخچاملاش ئىقتىدارى كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى بىر خىل تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ توپلىمى بولۇپ قالغان. شۇنداقتىمۇ كېيىنكىلەر ئۈچۈن يوقىلاي دەپ قالغان بىرمۇنچە قەدىمكى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ساقلاپ قالغان.

دىئوكلېتىيان

  • دىئوكلېتىيان[يەشمىسى:]Gaius Aurelius Valerius Diocletianus، تەخمىنەن 243 — 313) قەدىمكى رىم پادىشاھى (284— 305) دالماتسىيىنىڭ سارونايې دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى تۆۋەن ئىكەن. ھەربىيدە ئىشلىگەن. پادىشاھ نومېرىئان (Numerianus) نىڭ مۇھاپىزەتچى ئەترىتىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. مىلادى 284-يىلى نومېرىئان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن پادىشاھ قىلىپ تۇرغۇزۇلغان ۋە پادىشاھلىق تۈزۈم (دومىنات تۈزۈمى) ھۆكۈمرانلىقى رەسمىي ئورنىتىلغان. ئۇ شەرقتىكى مۇستەبىت پادىشاھلارنىڭ ئوردا مۇراسىملىرىغا تەقلىد قىلىپ، ئۆز پۇقرالىرىنى ئۇنى ئىلاھ قاتارىدا كۆرۈشكە بۇيرۇغان. تارىخنامىدە ئادەتتە كېيىنكى دەۋردىكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ باشلىنىشى دەپ بېكىتىلگەن. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ھاكىمىيەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن رايون بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويغان. رەسمىي پادىشاھ ئىككى بولۇپ، ئۆزى شەرقىي قىسمىنى باشقۇرغان، غەربىي قىسمىنى ماكسىمىئان باشقۇرغان، ھەر ئىككىسى «ئاۋگۇستۇس» دەپ ئاتالغان؛ مۇئاۋىن پادىشاھ ئىككى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى گالېرىئۇ (Galerius)، ماكسىمىئاننىڭ ياردەمچىسى كونستانتىئۇ (Constantius chlorus) بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى «كائېسار» دەپ ئاتالغان. ئۇ چوڭ ھوقۇقنى ئىگىلەپ، نىكومېدىيە (Nicomedia، بۈگۈنكى تۈركىيىنىڭ ئىزمىر) دە تۇرغان. ئۆلكە-رايونلارنى كىچىكلىتىپ، پۈتۈن ئىمپېرىيىنى تەخمىنەن يۈز مەمۇرىي ئۆلكىگە (بۇنىڭدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 40 نەچچە ئۆلكە) ئايرىغان؛ ھەرقايسى مەمۇرىي ئۆلكىلەرنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئۈچۈن ئۆلكە-رايونلاردا تەخمىنەن ئوندىن 12 گىچە چوڭ مەمۇرىي رايون قۇرۇلغان؛ ئەسكەر مەنبەلىرىنى كېڭەيتىپ، رايونلاردا تۇرغۇزۇپ، ئارمىيە بىلەن مەمۇرىيەتنى ئايرىم-ئايرىم باشقۇرۇشنى يولغا قويغان. باج تۈزۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، باج نىسبىتىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان بەزى ئىمتىيازلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان؛ يەر بېجى بىلەن نوپۇس بېجىنى بىرگە قوشۇش تۈزۈمىنى قوللانغان. يېزىلاردا يەر بېجىنىڭ بىرلىكىنى جۇگىم (Jugum بىرقانچە مو)، نوپۇس بېجىنى ك-اپۇت (Caput) بويىچە ھېسابلىغان، ئايال ئەرنىڭ يېرىمىگە باراۋەر بولغان؛ شەھەردە، تۈرلۈك سودا- سانائەت كەسىپلىرى بويىچە ئايرىم باج بېكىتكەن، نەتىجىدە باج سوممىسى كۆپەيگەن، پۇل پاخاللىشىپ، مال باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن. باج كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرساھە، ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ (جۈملىدىن شەھەرلىك پارلامېنتنىڭ ئەزالىرى) كۆچۈپ يۈرۈشىنى قاتتىق مەنئى قىلغان. پۇل پاخاللىقىنى توسۇش ئۈچۈن «باھاغا چەك قويۇش پەرمانى» (301-يىلى) ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئۈنۈمى زور بولمىغان. گاللىيە (بۈگۈنكى فرانسىيە رايونى) دا كۆتۈرۈلگەن باگاۋدا ھەرىكىتى ماكسىمىئان تەرىپىدىن باستۇرۇلغان (286-يىلى). ئۇ شەرقىي ساسسانىيلار خاندانلىقى بىلەن سۈلھ شەرتنامە تۈزگەن (298-يىلى). خرىستىئان دىنىغا قارىتا باستۈرۈش تەدبىرى قوللانغان. 303 — 304-يىللىرى كەينى-كەينىدىن پەرمان ئېلان قىلىپ، مۇرىتلارنى قوغلاپ چىقارغان ۋە ئۆلتۈرگەن، ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلغان. لېكىن خرىستىئان دىنى توسقىلى بولمايدىغان دەرىجىدە راۋاجلانغان. 305-يىلى ماكسىمىئان بىلەن بىللە تەختتىن چۈشۈپ، ھوقۇقنى ئىككى «كائېسار» غا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. كېيىن سارونايېغا قايتىپ بېرىپ، كاتتا قورۇقتا ئۆلگەنگە قەدەر ئولتۇرغان.

دىئوگېنېس

  • دىئوگېنېس[يەشمىسى:]1) دىئوگېنېسو (سىنوپېئۇسلۇق)(Diogeneso Sinopeus، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 404 — 323). يۇناننىڭ كۇنىكوي ئېقىمىدىكى پەيلاسوپى. كىچىك ئاسىيادىكى سىنوپېدا (Sinope قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان) تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئىسېتاس (Isetas) بانكا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر قېتىملىق ئالدامچىلىقى ئاشكارىلىنىپ قېلىش تۈپەيلىدىن زىندانغا تاشلانغان. بۇ ئىش دىئوگېنېسنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئافېناغا كېتىشى ۋە كۇنىكوي ئېقىمىنىڭ ئىجادچىسى ئانتىستېنې بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنى ئۇستاز تۇتۇشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ ئۇستازىنىڭ راھەت كۆرۈشتىن بىزار بولۇپ، «تەبىئەتكە قايتىش» ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۇنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ كىشىلىك دۇنياسى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى، مەيلى ئۇلارغا قانداق تامغا بېسىلغان بولسۇن، پەقەت ساختا قىياپەتتىنلا ئىبارەت، دەپ قارىغان، شۇنىڭ بىلەن ھەممىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، شۇنداقلا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەرزىمەيدۇ، دەيدىغان ئىنكارچىلىقنى تەرغىپ قىلغان. ئۇ ئۆز پەلسەپىسىنى ئويناشقاندەك ئىش قىلىش، شاللاقلىق قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھەمدە كۆپىنچە باشقىلارنى ھەممىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان چېچەنلىكى ۋە ھەممىنى مەنسىتمەيدىغان قىزىقچىلىقى بىلەن تەسىرلەندۈرگەن. جۇلدۇر كىيىنىپ، ناچار ئوزۇقلىنىپ، كوچىلاردا ياكى پېشايۋان ئاستىدا تۈنىگەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چوڭ ئىدىشلارنىڭ ئىچىنى ماكان قىلغان. ئۇنىڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى قەدىمكى زامان يازغۇچىلىرىدىن ]پروتاك، دىئوگېنېس (لارتىيۇسلۇق)[ قاتارلىقلار رەتلەپ چىققان بولۇپ، ئەڭ داڭلىقى ئۇ كېلىنىستا تۇرغان چاغدا (ئىمپېراتور) ئالېكساندر بىلەن ئۇچراشقانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىدىن ئىبارەت: ئالېكساندر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ «مەن پادىشاھ ئالېكساندر بولىمەن» دەپتۇ، دىئوگېنېس «مەن كۇنىكوي دىئوگېنېس» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئالېكساندر ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ بۇ پەيلاسوپقا ياردىمى تېگىدىغان-تەگمەيدىغانلىقىنى سورىغاندا، دىئوگېنېس پىسەنت قىلمىغان ھالدا «سەن مېنىڭ قۇياشىمنى توسۇۋالما» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئالېكساندر ئاخىرى خېلى قايىل بولغان ھالدا «مەن ئەگەر ئالېكساندر بولمىغان بولسام، دىئوگېنېس بولۇشنى خالايتتىم» دەپتۇ. بۇ ھېكايىنى ھەقىقىي تارىخ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ «كۇنىكوي» نىڭ ئىدىيىۋى خىسلىتىنى ئازدۇر-كۆپتۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىدىيىسى ھەرھالدا پاسسىپ بولسىمۇ، ھېچقانداق ئاكتىپ ئىجتىمائىي غايىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما شەھەر كرىزىسى دەۋرىدىكى يۇنان جەمئىيىتىگە بولغان نارازىلىق ۋە مەلۇم قارشىلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. كېلىنىستا ئۆلگەن. (2) دىئوگېنېس (لارتىيوسلۇق) ( Diogenes Laertius، مىلادى Ⅱ، Ⅲ ئەسىردە). قەدىمكى يۇنان پەلسەپە تارىخچىسى. كىچىك ئاسىيانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى سىلسىيە (Cilicia) دە تۇغۇلغان. ئون توملۇق «پەيلاسوپلارنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن ئەسىرى بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا قايسىبىر خانىمنىڭ پەلسەپىنى ئۆگىنىپ تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن يېزىلغانمىش. بۇ ئەسەردە ئاساسەن ئاتاقلىق يۇنان پەيلاسوپلىرىنىڭ رەسمىي تارىخقا يېزىپ قالدۇرۇلمىغان ئىشلىرى ۋە نۇقتىئىنەزەرلىرى بايان قىلىنغان. بىرىنچى تومىدىن يەتتىنچى تومىغىچە، ئاناكىسماندروستىن تارتىپ تېئوفراستوسقىچە بولغان ئىئونىك (Ionic) پەيلاسوپلىرى، جۈملىدىن سۇكرات ئېقىمىدىكىلەرمۇ خاتىرىلەنگەن. سەككىزىنچى ۋە توققۇزىنچى تومىدا پىيتاگوراس باشچىلىقىدىكى ئاتالمىش ئىتالىيە پەيلاسوپلىرى، جۈملىدىن ئېليا ئېقىمىدىكىلەر، ھېراكلېت ئېقىمىدىكىلەر ۋە گۇمانلانغۇچىلار خاتىرىلەنگەن. ئونىنچى تومىدا ئېپىكورۇس ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىسى بايان قىلىنغان؛ كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، دىئوگېنېسنىڭ ئۆزىمۇ ئېپىكورۇس ئېقىمىنىڭ مۇخلىسى ئىكەن. «پەيلاسوپلارنىڭ تەرجىمىھالى» نىڭ ماتېرىيال توپلىشى ۋە رەتكە تىزىشىدا بەزى قالايمىقانچىلىقلار بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا دانىشمەنلەرنىڭ بۇرۇنلا يوقىلىپ كەتكەن نۇرغۇنلىغان ئىش ئىزلىرى، بولۇپمۇ نۇرغۇن قىزىقارلىق سەرگۈزەشتلىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، قەدىمكى زامان پەلسەپە تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى قىممەتلىك.

دىئونىسوس

  • دىئونىسوس[يەشمىسى:]Dionysos ياكى Dionysus) باشقىچە ئاتىلىشى باككۇس (Bacchus). قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ھاراق ۋە شاتلىق خۇداسى. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ زېۋىس بىلەن تېبېس مەلىكىسى سېمېلې (Semele) دىن تۇغۇلغانمىش؛ خانىكە ھېرا ئىچى تارلىق قىلىپ، ھىيلە ئىشلىتىپ سېمېلېنى كۆيدۈرۈۋەتكەنمىش. زېۋىس دىئونىسوسنى چوڭ قىلىش ئۈچۈن يوتىسىغا تېڭىۋالغانمىش، شۇڭا زېۋىس بىرئاز ئاقساپ ماڭىدىغان بولۇپ قالغانمىش، كېيىن ئۇنى مەبۇدە ئىنو (ino) ھەمدە تاغ ئورمانزارلىقىدىكى پەرىلەرنىڭ بېقىپ چوڭ قىلىشىغا تاپشۇرغانمىش. ئېيتىلىشىچە، دىئونىسوس ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ۋە ۋېنو چىقىرىش بىلىمىنى ئىگىلىگەچكە، دەسلەپتە كىچىك ئاسىيا ۋە فراكىيە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئېتىقاد قىلىشىغا سازاۋەر بولۇپ، كېيىن ئۈزۈم كۆپ چىقىدىغان گرېتسىيە بولۇپمۇ ئوتتۇرا گرېتسىيە (ئافىنا) ۋە شىمالى گرېتسىيە رايونىدا كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغانمىش. ئۇ يەنە ياۋايى ھايۋانلار قوشۇلغان بىر ھارۋىغا ئولتۇرۇپ مىسىر، ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا بارغانمىش، ئۇنىڭغا بىر تۈركۈم ئەسەبىي، ھاراققا ئامراق ئوغۇل-قىزلار ھەمراھ بولغانمىش. بارغانلا جايغا ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ۋە ۋېنو چىقىرىش ھەققىدىكى ھۈنىرىنى تارقاتقانمىش. شۇڭا ھەرقايسى جايلار ئىبادەتخانا سېلىپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ نەزىر-چىراغ قىلىدىغان بولغانمىش. قەدىمكى يۇناننىڭ تىياتىرى دىئونىسوسقا ئاتاپ ئۆتكۈزىدىغان مۇراسىم (ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناش) داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، ئۆزگىرىپ بارلىققا كەلگەن.

دىئونيسىئوس

  • دىئونيسىئوس[يەشمىسى:]1) دىئونيسىئوس Ⅰ (Dionysios Ⅰ ياكى DionysiusⅠ، مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 430 — 367). سېراكوز (سىتسىلىيە ئارىلىدا) نىڭ تىرانى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 405 — 367) ئاقسۆڭەكلەر پارتىيىسىنىڭ كاتتىبېشى ھېرموكرات (Hermocrates) نىڭ ئوغلى. ياش ۋاقتىدا ھۆكۈمەت خادىمى بولغان، كېيىن كارفاگېنلىقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشقا قاتنىشىپ گېنېرال (مىلادىدىن 406 يىل ئىلگىرى) بولغان. ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ھوقۇقى كۈچىيىپ، مىلادىدىن 405 يىل ئىلگىرى تىران بولۇپ، سېراكوزدا 38 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئۇ، مىڭ كىشىلىك «مۇھاپىزەتچى قوشۇن» تەشكىللەپ، زورلۇق بىلەن ئېغىر باج-سېلىق يىغىپ، ئارمىيىسىنى (ئۇرۇش كېمىسى ياسىتىپ) كېڭەيتكەن ۋە ئۇلارنىڭ تەمىناتىنى كۆپەيتكەن. سىتسىلىيە ۋە جەنۇبىي ئىتالىيە ئەتراپىدا («بۈيۈك گرېتسىيە») ئۆزىنىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تىكلەشكە كۈچىنىڭ بارىچە ھەرىكەت قىلغان. شىمالىي قوشنىسى بولغان دېڭىز قىرغاق شەھەرلىرى-دىن كاتانا (Gatana)، ناكىسۇس (Naxus) قاتارلىقلارنى ۋە غەربىي قوشنىسى بولغان لېئونتىنى (Leontini) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇۋالغان. مىلادىدىن 398 — 379 يىل ئىلگىرى، سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى كارفاگېنلىقلار بىلەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇش قىلىپ، سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىستېلا قىلىپ، كارفاگېنلىقلارنى ئارالنىڭ غەربىي شىمالىي بۇرجىكىگە ئاپىرىپ قويغان؛ ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇنلىغان يۇنان شەھەرلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، سېراكوزنى غەربىي ئوتتۇرا دېڭىزىدىكى قۇدرەتلىك بىر كۈچكە ئايلاندۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە كارفاگېن بىلەن داۋاملىق ئۇرۇش قىلىپ كەلگەن. ئۇ تەختتىكى مەزگىلىدە، سېراكوزنى يۇنان ئۇسلۇبى بويىچە بېزەپ ۋە قۇرۇپ چىققان ھەمدە ئەدەبىيات، سەنئەتچىلەرنى مۇكاپاتلاشنى يولغا قويغان؛ ئۇنىڭ ئۆزىمۇ شائىر ھەم دراماتورگ بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئۇنىڭ سەھنە ئەسىرى ئافىنادا ئوينىلىپ مۇكاپاتلانغان. (2) دىئونىيسىئوس(ⅡDionysios ياكى DionysiusⅡ، مىلادىدىن تەخمىنەن 395 — 343 يىل ئىلگىرى) سېراكوز تىرانى (مىلادىدىن 367 — 356 ۋە 347 — 344 يىل ئىلگىرى)، دىئونيسىئوس Ⅰ نىڭ ئوغلى. ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن، تاغىسى دىئون (Dion) نىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئەپلاتۇننى سېراكوز ئوردىسىغا تەكلىپ قىلىپ پەلسەپە سۆزلەتكەن؛ ئۇزۇن ئۆتمەي دىئوننىڭ سىياسىي كۆزقارىشى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن سۈرگۈن قىلىنغان. ئەپلاتۇن ئافىناغا يېنىپ كەلگەن. كېيىن ئەپلاتۇننى يەنە ئوردىغا تەكلىپ قىلغان (مىلادىدىن 361 يىل ئىلگىرى) بولسىمۇ، ئەپلاتۇن كەلمىگەن. مىلادىدىن 357 يىل ئىلگىرى دىئون ياللانما ئەسكەرلەرنى باشلاپ سېراكوزغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئۇنى تەختتىن ئېلىپ تاشلىغان، جەنۇبىي ئىتالىيىنىڭ لوكرى (Locri) دېگەن يېرىگە قېچىپ كەتكەن. دىئون ئۆلتۈرۈلگەن (مىلادىدىن 353 يىل ئىلگىرى) دىن كېيىن قايتىپ كېلىپ، مىلادىدىن 347 يىل ئىلگىرى تەختتكە چىققان. بىراق كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كەتكەن. سېراكوزنىڭ ئانا شەھەر دۆلىتى كورىنىف (كولېنىف) گېنېرالى تىمولىئون (Timoleon) قوشۇن باشلاپ دېڭىزدىن ئۆتۈپ سېراكوزنى بېسىۋېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلغان؛ مىلادىدىن تەخمىنەن 344 ياكى 343 يىل ئىلگىرى كورىنىفقا قېچىپ بېرىپ، جاپالىق شارائىتتا ئۆلگەن. ئۇنى ئادەتتە ئاتىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن كىشىلەر كىچىك دىئونيسىئوس دەپ ئاتىغان. ئۇ نەزىمنى (شېئىرىيەت) نى ياخشى كۆرگەن. بىراق ئاتىسىغا قارىغاندا جىگەرسىز ئادەم بولغاچقا تۆھپىسى كۆپ ئەمەس. (3) دىئونيسىئوس (ھالىكارناسسوسلىق)(Dionysios Halikarnassos ياكى Dionysius Halicarnassus مىلادىدىن تەخمىنەن ؟ — 8 يىل ئىلگىرى) قەدىمكى يۇنانلىق تارىخشۇناس ۋە ستىلىستىكاشۇناس. كىچىك ئاسىيانىڭ ھالىكارناسسوس شەھىرىدە تۇغۇلغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 30 يىل ئىلگىرى رىمغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان، لاتىن تىل-ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. رىملىق مەشھۇر كىشىلەردىن تۇبېرو (.Q Aelyus Tubero)، كائېسلۇ (Caecilius) قاتارلىق كىشىلەر بىلەن دوست بولۇپ ئۆتكەن. ئۇ، 20 توملۇق (بىر ئېيتىلىشىچە 22 توملۇق) «قەدىمكى رىم تارىخى» نى يېزىپ چىققان، بۇنىڭدىن بىزگە ئالدىنقى 10 تومى يېتىپ كەلگەن. بۇنىڭدا ئەڭ قەدىمكى ئەپسانىلەر دەۋرىدىن تارتىپ مىلادىدىن 264 يىل ئىلگىرىكى يىللارغا قەدەر (بىرىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشى باشلانغان ۋاقىتقا قەدەر) بولغان ۋەقە يېزىلغان؛ بۇ دەل تارىخچى پولىبىينىڭ «ئومۇمىي تارىخ» (مىلادىدىن 264 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن پونى ئۇرۇشىدىن باشلىنىدۇ) غا بېرىپ ئۇلىنىدۇ. بۇ ئەسەر رىمنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى پايدىلىق ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يەنە «دەسلەپكى دەۋرىدىكى ناتىقلار ھەققىدە»، «فۇكىدىد ھەققىدە» قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار.

دىيانبيەنفۇ جېڭى

  • دىيانبيەنفۇ جېڭى[يەشمىسى:] ۋيېتنام خەلقى فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن بىر قېتىملىق جەڭ. 1953-يىلى قىشتىن 1954-يىلى ئەتىيازغىچە، ۋيېتنام خەلقى ۋە ئارمىيىسى مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا بىر قاتار غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، غەربىي شىمال رايونىدىكى كەڭ شەھەر-بازارلارنى ئازاد قىلغان. فرانسىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى مەغلۇبىيەت ۋەزىيىتىنى ئوڭشاش ئۈچۈن، 1953-يىلى 11-ئايدا كۆپلىگەن پاراشۇتچى قىسىملارنى ئەۋەتىپ، دىيەنبيەنفۇنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنى ئازاد رايونلارغا تاجاۋۇز قىلىشنىڭ تايانچ بازىسى قىلغان ھەمدە بۇ يەرنى كۆپ ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ ساقلىغان. شۇ يىلى 12-ئايدا ۋيېتنام خەلق ئارمىيىسى ھۇجۇم قوزغاپ، لەيجۇنى ئازاد قىلغان ھەمدە دىيەنبيەنفۇنى قورشى-ۋالغان. 1954-يىل 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋيېتنام خەلق ئارمىيىسى دىيانبيەنفۇغا ھۇجۇم قىلىپ، 55 سوتكا جەڭ قىلىش ئارقىلىق 5-ئاينىڭ 7- كۈنى ئۇنى ئازاد قىلغان، دىيەنبيەنفۇنى ساقلاۋاتقان 16 مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەننى تولۇق يوقىتىپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى دىكاستېلنى تىرىك تۇتۇپ، فرانسىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىنىڭ غەربىي شىمالدىكى ئەڭ ئاخىرقى قورغىنىنى يۇلۇپ تاشلاپ، «ناۋال ھەربىي پىلانى» نى بىتچىت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن دۆلەت زېمىنىنىڭ شىمالىي يېرىمىنى پۈتۈنلەي ئازاد قىلىپ، پۈتكۈل ھىندىچىنىنىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى بۇراپ، فرانسىيىنى شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى «جەنۋە كېلىشىمى» گە قول قويۇشقا مەجبۇر قىلغان.

ديۇپون

  • ديۇپون[يەشمىسى:]Pierre Samuel Dupont، 1870 — 1954) ئامېرىكىلىق مونوپول كاپىتالىست. فرانسۇز بولۇپ، كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1890-يىلى ماسىن تەبىئىي پەن ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جەمەتى قۇرغان ديۇپون شىركىتىدە پەن تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىسسىز مىلتىق دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشقا قاتناشقان. 1902-يىلى ئىككى نەۋرە ئاكىسى بىلەن بىرلىشىپ، ديۇپون شىركىتىنى قۇرغۇچى ئې. ئى. ديۇپون (Eleuthere Irenee Dupont 1771 — 1834) نىڭ كارخانىسىنى سېتىۋېلىپ، بوغالتىر مۇدىرى ۋە مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولغان. 1915-يىلى ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى گۇرۇھ يەنە بىر نەۋرە ئاكىسىنىڭ قوشقان پېيىنى سېتىۋالغان. 1915 — 1920-يىللىرى شىركەتكە رەھبەرلىك قىلىپ، شىركەتنىڭ خىمىيىلىك مەھسۇلاتىنى بىرقانچە ئون خىلغا يەتكۈزگەن ھەمدە باشقا سانائەت ساھەلىرىگە قول سالغان. 1920-يىلى گېنېرال ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باشقارما باشلىقى بولغان. ئۈچ يىلدىن كېيىن يەنە ديۇپون شىركىتى باشقارمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ، سىياسىي جەھەتتە فرانكلىن روزۋېلتنى قوللاپ كەلگەن.

ديۇرىڭ

  • ديۇرىڭ[يەشمىسى:]Karl Eugen Duhring، 1833 — 1921) نېمىس پەيلاسوپى، چاكىنا ئىقتىسادشۇناس، ئۇششاق بۇرژۇئا سوتسىيالىزمىنىڭ ۋەكىلى. پرۇسسىيىلىك بيۇروكرات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قانۇنشۇ- ناسلىقتا ئوقۇپ، ئادۋوكات بولغان. پرۇسسىيىدە پراكتىكانت سودىيە بولغان. 1863 — 1877-يىللىرى بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق لېكتورى بولۇپ، پرۇسسىيە ھۆكۈمەت گېزىتى «دۆلەت خەۋىرى» گە داۋاملىق ماقالە يېزىپ تۇرغان. كېيىن «ھازىرقى زامان مىللىي روھى»، «شەخسىيەتچى ۋە نىجاتچى» ناملىق گېزىت-ژۇرناللارنىڭ مۇھەررىرى بولغان. 70-يىللاردىن باشلاپ ئۆزىچە يېڭى «سوتسىيالىزم سىستېمىسى» نى كەشپ قىلدىم دەپ ئاتىۋېلىپ، ماركسىزمغا قارشى تۇرغان. 1875-يىلى گېرمانىيە سوتسىيال ئىشچىلار پارتىيىسى ئىچىدە موست، بېرنىشتېيىن قاتارلىق كىشىلەر ۋەكىللىكىدە، ديۇرىڭنى ھىمايە قىلغۇچى بىر مەزھەپ قۇرۇلۇپ، پارتىيىنى پارچىلاپ ئۆز ئالدىغا پارتىيە قۇرۇشقا ئۇرۇنغان. پەلسەپە جەھەتتە پوزىتىۋىزم، مېخانىكىلىق ماتېرىيالىزم بىلەن ھەر خىل ئىدېئالىستىك پەلسەپىنى ئۆزئارا ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن. ئاڭ مەۋجۇدىيەتنى بەلگىلەيدۇ، دەيدىغان ئىدېئالىزملىق ترانسېندېنتالىزم نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلغان. ئۇ، ئاۋۋال «دۇنيا ئەندىزى» ۋە «مەۋجۇت شەكىللىك تۈپ پرىنسىپ» بارلىققا كەلگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە تەتبىق قىلىنىپ، رېئال دۇنيا ھاسىل بولغان دەپ ھېسابلىغان. ئىقتىسادشۇناسلىق جەھەتتە بۇرژۇئا چاكىنا ئىقتىسادشۇناسلىقنى تەرغىپ قىلىپ، ماركسنىڭ ئەمگەك قىممىتى تەلىماتى بىلەن قوشۇمچە قىممەت تەلىماتىنى بۇرمىلاپ ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، كاپىتالىستىك ئېكسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىنى قوغدىغان. ئۇ، «ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچى» قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ نەزەرىيىسىنى «ئەڭ ئاخىرقى، چېكىگە يەتكەن ھەقىقەت» سىستېمىسى دەپ ماختاپ، ماركسىزمغا «ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات» كىرگۈزۈش كېرەك دەپ دەۋا قىلغان. ئۇنىڭ ئاتالمىش «نەزەرىيە سىستېمىسى»، كېيىنكى بېرنىشتېيىن رىۋېزىئونىزم ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. 1876 — 1878-يىللىرى ماركس بىلەن مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، ئېنگېلس ئۆزىنىڭ «ديۇرىڭغا قارشى» ناملىق ئەسىرىدە، ديۇرىڭنىڭ نەزەرىيىسىنى تەلتۆكۈس تەنقىد قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ديۇرىڭ ئۆزىنىڭ «ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچى» لىق نىقابىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئىرقچىلىقنى ئاشكارا تەرغىپ قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقان، ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى بىلەن سوۋېت ھاكىمىيىتىگە چىش-تىرنىقى بىلەن قارشى تۇرغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى: «خەلق ئىگىلىكى ۋە سوتسىيالىزم تەنقىدىي تارىخى»، «خەلق ئىگىلىكى ئىلمى ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىسادشۇناسلىق كۇرسى»، «پەلسەپە كۇرسى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.