ف🔗

ف

فابىئان جەمئىيىتى

فابىئان سوتسىيالىزمى

فابىئۇس

فاھد

فادېيېۋ

فارابى

فاربېن گۇرۇھى

فارادى

فارراپوس ئۇرۇشى

فارسالۇ جېڭى

فارماكوۋىسكىي

فارىنى

فاتىخ ئەلى

فاتىمە سۇلالىسى

فاشودا ۋەقەسى

فاشىزم

فاشىزمغا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاق

فاشىست

فاشىستلار پارتىيىسى

فاشىستلارغا قارشى جەڭگىۋار ئىتتىپاق

فاشىستىك ھەرىكەتلەرگە قارشى مەملىكەتلىك كومىتېت

فاڭۇن

فالايىسې جېڭى

فالكېنخان

فاللا

فاللىرې

فالوڭ ئىبادەتخانىسى

فائۇم

فاۋرې

فايىئېنسې ساپال قاچىسى

فايسال سۇلالىسى

فەرغانە دۆلىتى

فەن خوڭتەي

فەن شىۋېن قوزغىلىڭى

فراساۋ

فرانسⅠ

فرانسⅡ

فرانسوسچىلار

فرانسۋا-پونسېت

فرانسېسكو

فرانسېسكو مەزھىپى

فرانسې-كومتې

فرانسىسⅠ

فرانسىسⅡ

فرانسىس گىسې

فرانسىيە

فرانسىيە 6-فېۋرال توپىلىڭى

فرانسىيە-ئالجىرىيە ئۇرۇشى

فرانسىيە بەشىنچى جۇمھۇرىيىتى

فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى

فرانسىيە بىرىنچى جۇمھۇرىيىتى

فرانسىيە بىرىنچى ئىمپېرىيىسى

فرانسىيە-تۇنىس بىرلەشمە كېلىشىمى

فرانسىيە-تۇنىس ئۇرۇشى

فرانسىيە تۆتىنچى جۇمھۇرىيىتى

فرانسىيە جۇمھۇرىيەت كالېندارى

فرانسىيە-چېخوسلوۋاكىيە ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى

فرانسىيە خەلق فرونتى

فرانسىيە خەلق ئىتتىپاقى

فرانسىيە رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسى

فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى

فرانسىيە-سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزئارا ياردەم قىلىش شەرتنامىسى

فرانسىيە سېنتەبر ئىنقىلابى

فرانسىيە-سىيام مەنگۇ شەرتنامىسى

فرانسىيە فېدېراتسىيىسى

فرانسىيە فېۋرال ئىنقىلابى

فرانسىيە قارا دېڭىز فلوتىنىڭ قوزغىلىڭى

فرانسىيە قارشىلىق ھەرىكىتى

فرانسىيە تىرىلىش سۇلالىسى

فرانسىيە-گېرمانىيە خىتابنامىسى

فرانسىيە-گېرمانىيە ھەمكارلىق شەرتنامىسى

فرانسىيە-كامبودژا ھامىيلىق شەرتنامىسى

فرانسىيە-ماداغاسقار ئۇرۇشى

فرانسىيە-ماراكەش بىرلەشمە باياناتى

فرانسىيە-ماراكەش ئۇرۇشى

فرانسىيە «ماي» بورىنى

فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتى

فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى

فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيىتى

فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى

فرانسىيە-ۋيېتنام ئۇرۇشى

فرانسىيە-ئىتالىيە ۋە رىم كېلىشىمى

فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسى

فرانسىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتى

فرانسىيە ئىككىنچى ئىمپېرىيىسى

فرانسىيىگە قارام سۇمالى

فرانسىيىگە قارام غەربىي ئافرىقا

فرانسىيىگە قارام ئىكۋاتور ئافرىقىسى

فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق

فرانسىيىنىڭ 1848-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنى

فرانسىيىنىڭ 1830-يىلىدىكى نىزامنامىسى

فرانسىيىنىڭ 1814-يىلىدىكى نىزامنامىسى

فرانسىيىنىڭ 1875-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنى

فرانسىيىنىڭ 1795-يىلدىكى ئاساسىي قانۇنى

فرانسىيىنىڭ تىرىلىش دەۋرىدىكى تارىخشۇناسلىقى

فرانك پادىشاھلىقى

فرانكفۇرت سۈلھ شەرتنامىسى

فرانكفۇرت مىللىي پارلامېنتى

فرانكلار

فرانكلىن

فرانكو

فرانكونىيە

فرانكونىيە خاندانلىقى

فرانكې ئارىلى

فرانىس

فرانىس جوسېفⅠ

فرانس فېردىناند

فرودې

فروست

فرونتىنۇ

فروندېچىلار ھەرىكىتى

فروندې ھەرىكىتى

فروئىسار

فرونزې

فرېرون

فرېدرىكسھامن شەرتنامىسى

فرېمان

فرېنو

فرېئۇد

فرېئى

فرىس

فرېدرىخⅠ

فرېدرىخⅡ

فرېدرىخⅤ

فرېدرىخ ۋىلھېلم

فرېدرىخ ۋىلھېلمⅠ

فرېدرىخ ۋىلھېلمⅡ

فرېدرىخ ۋىلھېلمⅢ

فرېدرىخ ۋىلھېلمⅣ

فرېدېرىكⅣ

فرېدېرىكⅥ

فلاسئۇس

فلامىنىئوس

فلاندېرس

فلاندىن

فلاۋى سۇلالىسى

فلورېس

فلورېنس

فلورېنسىيە جۇمھۇرىيتى

فلورىن

فلۇبېر

فلېمىن

فلىك گۇرۇھى

فوتىئۇس

فورد

فوستېر

فوش

فوكاس

فوكۇساۋا يوكىسى

فوكىس

فولسوم مەدەنىيىتى

فوما قوزغىلىڭى

فونتانې

فونت دې-گائومې تاش ئۆڭكۈرىدىكى تام سۈرەتلەر

فونۋىزىن

فۇتا باتېي شىمېي

فۇجىتا ئازۇما مىزۇئومى

فۇجىۋرا نوكاماتارى

فۇچىك

فۇداۋ جۇڭچىن سوئېشىما تانېئومى

فۇرمانوۋ

فۇرې

فۇريې

فۇزۇلى

فۇستات

فۇشې

فۇشى ساۋزى

فۇكوكاگو مارۇ ۋەقەسى

فۇكۇسىما ۋەقەسى

فۇگگېر جەمەتى

فۇلتون

فۇلكنېر

فۇلكۇڭ خاندانلىقى

فۇلى پاجىئەسى

فېبۋرې

فېتزگېرالد

فېتىشىزم

فېدوروۋ

فېدوسېۋ

فېردىناندⅠ

فېررې

فېرسمان

فېرمى

فېرناندوⅠ

فېرناندوⅡ

فېرناندوⅦ

فېرناندېس دېلساردى

فېس شەرتنامىسى

فېلىپⅢ

فېنىكىيە

فېنىن جەمئىيىتى

فېنىن ھەرىكىتى

فېئودال

فېئودال

فېئودال سوتسىيالىزم

فېئوداللىق دىنىي ھاكىمىيەت ئىتتىپاقى

فېئۇئىللان كلۇبى

فېۋرال ۋەقەسى

فېييېرباخ

فىبىگېر

فىچ

فىدالگو

فىرئەۋىن

فىردەۋسى

فىزىئوكراتلار

فىسكې

فىشت

فىشېر

فىلارېت

فىلمورىي

فىلىپⅡ

فىلىپⅣ

فىلىپⅤ

فىللىپپې(باراۋەرچى)

فىلىپپى جېڭى

فىلىپپىن خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئارمىيىسى

فىلىپپىن مۇستەقىللىك ئۇرۇشى

فىلىپپىن ئىتتىپاقى

فىلىپپىننىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى 12 ماددىلىق پروگراممىسى

فىنلاندىيە كىنەزلىكى

فىنلاندىيە مىللىي ھەرىكىتىⅩⅪ

فىنىك ھەرپلىرى

فىئۇمې قارارى

ئىزاھى

فابىئان جەمئىيىتى

  • فابىئان جەمئىيىتى[يەشمىسى:] 1884-يىلى ئەنگلىيىدە بۇرژۇئا زىيالىيلىرىدىن تەشكىل قىلىنغان «سوتسىيالىستىك» تەشكىلات. قەدىمكى رىم قوماندانى فابىئوس ماكسىمنىڭ (Fabius Maximus) نامى بىلەن ئاتالغان، چۈنكى فابىئۇس گاننىبال بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ جەڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئاستا ئىلگىرىلەپ، پەيتنى كۈتۈش تاكتىكىسىنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن، شۇ مەنىدە ئېلىنغان. ئۇنىڭ ئاساسىي رەھبەرلىرى ۋېبىب بىلەن بېرنارد شاۋ. بېرنارد شاۋنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە نەشىر قىلىنغان «فابىئان سوتسىيالىستىك ئەسەرلەر توپلىمى» دا پرولېتارىيات ئىنقىلابىغا ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرۇش تەرغىپ قىلىنغان؛ مۆتىدىل ۋە ئاستا ئىلگىرىلەش چارىسىنى قوللىنىپ، بۇرژۇئا دۆلەت ھاكىمىيىتى ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئاپپاراتىدىن پايدىلىنىپ، يەرلەرنى ۋە سانائەت كاپىتالىنى تەدرىجىي ھالدا يەرلىك جامائەت مۈلكىگە يەنى كوممۇنا مۈلكىگە ئايلاندۇرۇش تەشەببۇس قىلىنغان؛ بۇرژۇئا دېموكراتىيىسى ھەدەپ قوغدىلىپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇلغان.1900-يىلى ئىشچىلار بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان ئىشچىلار قۇرۇلتىيى ۋە ئىشچىلار ۋەكىللىرى كومىتېتىغا كوللېكتىپ ھالدا قاتناشقان.1906-يىلى، ئىشچىلار ۋەكىللىرى كومىتېتى ئىشچىلار پارتىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنغاندا، فابىئان جەمئىيىتى مۇستەقىل تەشكىلاتلىق ئورنى بىلەن قاتناشقان ھەمدە ئەمەلىيەتتە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فابىئانچىلار سوتسىيام شوۋىنىزملىق مەيداندا تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭى فابىئان تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەشكىل قىلغان ھەمدە 1938-يىلى فابىئان جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ يېڭى فابىئان جەمئىيىتى بولغان. ئۇنىڭ رەھبەرلىرى ۋېببنىڭ ئايالى بېئاترىسې ۋېبب (Beatrice Potter Webb، 1858 — 1943) بىلەن كولې (George Douglas Howard Cole، 1889 — 1959). 1940-يىلى مۇستەملىكىلەر ئىدارىسى قۇرغان، 1952-يىلى «يېڭى فابىئان قىسقا ئوبزورى» نى نەشىر قىلىپ، ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسىنى كەڭ تارقاتقان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇنىڭ بەزى مەشھۇر ئەزالىرى لېيبورىسىتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭ قانات رەھبەرلىرىدىن بولۇپ، بۇ پارتىيىنىڭ سىياسىتىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.

فابىئان سوتسىيالىزمى

  • فابىئان سوتسىيالىزمى[يەشمىسى:] ئەنگلىيىدىكى بىر خىل بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىق پىكىر ئېقىمى. «فابىئان جەمئىيىتى»گە قاراڭ.

فابىئۇس

  • فابىئۇس[يەشمىسى:]Qunitus Fabius Maximus Verrucosus، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 302 - 082) قەدىمكى رىم باش قوماندانى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بىرقانچە قېتىم كونسۇل بولغان (مىلادىدىن 233، 228، 215، 214، 209 يىل ئىلگىرى) ئىككىنچى قېتىملىق پونىي ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرى 102 - 812)دا رىم ئارمىيىسى ترازىمېن كۆلى بويىدىكى جەڭ (مىلادىدىن 217 يىل ئىلگىرى) دە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، دىكتاتور (dictator) بولغان. گاننىبال بىلەن يۈزمۇيۈز توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇرۇشنى ئارقىغا سوزۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، پۇختا مۇداپىئە كۆرۈپ، دۈشمەن ئارمىيىسىنى كولدۇرلاتقان. شۇڭا، ئەينى ۋاقىتتا تېز غەلىبە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار تەرىپىدىن «كۇنكتاتور» (Cunctator، لاتىنچە «ئېھتىيات قىلغۇچى»، «ئارقىغا سوزغۇچى» دېگەن مەنىدە) دەپ مازاق قىلىنغان. كاننى جېڭى (مىلادىدىن 216 يىل ئىلگىرى) دە رىم ئارمىيىسى قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، ئۇنىڭ سالماق بولۇش تاكتىكىسىنى ئېتىراپ قىلغان؛ شۇڭا «كۇنكتاتور» ھۈرمەت نامى مەنىسىنىمۇ بىلدۈرىدىغان بولغان. يېقىنقى زاماندىكى ئەنگلىيىدىكى «فابىئان سوتسىيالىزمى» ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

فاھد

  • فاھد[يەشمىسى:]Yūsuf Salman Yūsuf Fahd، 9491 - 1091) ئىراق كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. ئىشچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1932-يىلى ماركسىزمچى گۇرۇپپا قۇرغان، 1934-يىلى ئىراق كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. كېيىن بىرنەچچە يىل ياۋروپادا بولغان، 1939-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان،1940-يىلى پارتىيىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئۇچقۇن» ۋە «بازا» قاتارلىق ژۇرناللارنى تەسىس قىلغان. 1947-يىلى قولغا ئېلىنغان، كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن.

فادېيېۋ

  • فادېيېۋ[يەشمىسى:]Александр Александрович Φадеев، 6591 - 1091) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى. تېۋېر ئۆلكىسى (ھازىرقى كالىنىن ئوبلاستى) نىڭ كېمېرېۋا شەھىرىدە دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1918-يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1939-يىلدىن باشلاپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇزۇن مۇددەتكىچە سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ شۇجىسى، باش شۇجىسى ۋە قوشۇمچە مۇدىرىيەتنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1921-يىلدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئەسەرلىرىدىن «تاشقىن»، «تەتۈر ئېقىم» ناملىق پوۋېستى، «تارمار» ناملىق رومانىدا ئىچكى ئۇرۇش تېما قىلىنغان بولۇپ، بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ ئىنقىلابتىكى رەھبەرلىك رولى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. 1944-يىلى «قامال مەزگىلىدىكى لېنىنگراد» ناملىق ئوچېركلار توپلىمىنى ئېلان قىلىپ، ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىللىرىدىكى لېنىنگراد خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى مەدھىيىلىگەن.1945-يىلى «ياش گۋاردىيە» ناملىق رومانىنى ئېلان قىلغان، بۇنىڭدا ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىللىرىدىكى كىراسنودون شەھىرىدىكى ئىتتىپاق كومىتېتى يەر ئاستى تەشكىلاتىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن. ئەدەبىي ماقالىلىرى ئاساسەن «ئوتتۇز يىل» ناملىق توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن.

فارابى

  • فارابى[يەشمىسى:]al Farabi، 059 - 078) ئوتتۇرا ئاسىيالىق پەيلاسوپ، مۇزىكا نەزەرىيىچىسى. تۈركىي قەۋمدىن. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ۋاسىبى (Wasibi) دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. باغداد شەھىرىدە ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتىكا ئۆگىنىپ، ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە بۇ جايدا ئىلىم تەھسىل قىلغان. كېيىن سىياسىي مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن ئالېپپو شەھىرىگە كۆچۈپ كەتكەن. ئارىستوتېلنىڭ پەلسەپىسىنى خېلى كۆپ تەتقىق قىلغان، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ۋە باشقا يۇنان پەيلاسوپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى شەرھلىگەن. «پەلسەپە قائىدىلىرىنىڭ دۇر-گۆھەرلىرى»، «ئەۋزەل شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى توغرىسىدا» قاتارلىق كىتابلارنى يازغان. كېيىنكى كىتابى ئەپلاتوننىڭ «جۇمھۇرىيەت» (غايىۋى دۆلەت) ۋە ئارىستوتېلنىڭ «پولىتېكا» نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، نەمۇنىلىك شەھەر تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاقىل پادىشاھ ۋە فېئوداللىق مەرتىۋە تۈزۈمىنى تەرغىپ قىلغان. ئۇ بىلىملىك ۋە ئىستېداتلىق بولۇپ، ماتېماتىكا ھەم تىبابەتچىلىك جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن، مۇزىكا نەزەرىيىسىگە پىششىق. ئۇ يازغان «مۇزىكا قامۇسى» قەدىمكى يۇنان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇزىكىسىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ پەلسەپىلىك ئىدىيىسى ئىبن سىنا ۋە باشقا ئەرەب پەيلاسوپلىرى، شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئەسىردىكى غەربىي ياۋروپا مەدرىس پەلسەپىسىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇسۇلمان دۇنياسىدا «ئارىستوتېل ئىككىنچى» دەپ نام ئالغان (ئارىستوتېل «بىرىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتىلىدۇ).

فاربېن گۇرۇھى

  • فاربېن گۇرۇھى[يەشمىسى:]فېدېراتىپ گېرمانىيىسىنىڭ ئەڭ چوڭ خىمىيە سانائىتى مونوپول كاپىتال گۇرۇھى. ئۇ 1904-يىلى قۇرۇلغان فاربېن شىركىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن. 1925-يىلى گېرمانىيىدە ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان كونسېرن فاربېن خىمىيە سانائىتى شىركىتى فاربېن گۇرۇھىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان. 30-يىللاردا پۈتۈن گېرمانىيىنىڭ خىمىيە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىشىنى كونترول قىلىۋېلىپ، گىتلېرنىڭ تەختكە چىقىشىنى جېنىنىڭ بارىچە يۆلىگەن، 4491 - 2391-يىللىرى ناتسىستلار پارتىيىسىنى 40 مىليون مارك خىراجەت بىلەن تەمىن ئەتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاشقا پائال ھەرىكەت قىلىپ، ئۇرۇش پىلانىنى تۈزۈشكە بىۋاسىتە قاتناشقان. بۇ گۇرۇھنىڭ دىرېكتورلىرى گىتلېر ھۆكۈمىتىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيىنىڭ خىمىيە ھەربىي سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن بادىڭبىنئان ھەمدە سودا شىركىتى، بېئىر ھەسسىدارلىق شىركىتى ۋە ھىشىسىت بوياقچىلىق شىركىتى قاتارلىقلارغا پارچىلىۋېتىلگەن. ئەمەلىيەتتە بىر پۈتۈن مونوپول تەشكىلاتى بولۇپ ئۇيۇشقان. ئامېرىكا مونوپول كاپىتالنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئەمەلىي كۈچى تېزلىكتە كۈچىيىپ، فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ خىمىيە سانائىتىنى تىزگىنلىگەن.

فارادى

  • فارادى[يەشمىسى:]Michael Faraday، 7681 - 1971) ئەنگلىيىلىك فىزىك ۋە خىمىك. تۈپلەش ئىشچىسى بولغان، ئۈزلۈكىدىن ئۆگىنىپ تالانت ئىگىسىگە ئايلانغان. 1833-يىلىدىن باشلاپ خانلىق شۆيۈەنىدە خىمىيە پروفېسسورى بولغان. 1831-يىلى ئېلېكتر ماگنىت ئىندۇكسىيە ھادىسىسىنى تاپقان؛ ھەرخىل ماھىيەتتە ھەممىسى ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاشمايدىغان ھالەتتىكى توكنى تاپقان؛ 3381 - 3381-يىللىرى ئېلېكترولىز قانۇنى (يەنى فارادى ئېلېكترولىز قانۇنى) ۋە ماگنىتنىڭ نۇر بۇراشچانلىق تەسىرى (فارادى تەسىرى) نى تاپقان. خىمىيە جەھەتتە، ئىككى خىل يېڭى كاربون خلورىدنى تېپىپ چىققان؛ بىرقانچە خىل ئوپتىكىلىق ئەينەكنىڭ يېڭى تۈرىنى كەشپ قىلغان.

فارراپوس ئۇرۇشى

  • فارراپوس ئۇرۇشى[يەشمىسى:]5481 - 5381-يىللىرى برازىلىيىنىڭ جەنۇبىدا ئېلىپ بېرىلغان جۇمھۇرىيەت قۇرۇش يولىدىكى ئۇرۇش. پورتۇگالىيە تىلىدا «فارراپوس» (Farrapos)-«يوقسۇللار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 1835-يىلى 9-ئايدا رىئۇگلاندېدا مەركىزىي ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ پارتلىغان. 1836-يىلى 11-ئايدا رىئوگلاندې جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. قوزغىلاڭغا قاتناشقانلار ئىچىدە يەرلىك ئەمگەكچىلەر، ئارگېنتىنا ۋە ئۇراگۋاينىڭ پىدائىيلىرى، شۇنىڭدەك گارىبالدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا كۆچمەنلىرى بار ئىدى. ئۇراگۋاي يەنە ماددىي ياردەم قىلغان. برازىلىيە ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتى كەينى-كەينىدىن قوشۇن ئەۋەتىپ قورشاپ باستۇرغان. 1845-يىلى 2-ئايدا فارراپوس رەھبىرى ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن «سۈلھ كېلىشىمى» تۈزۈپ، ئون يىلدىن بىرى مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان رىئوگلاندې جۇمھۇرىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، فارراپوس ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىلگەن.

فارسالۇ جېڭى

  • فارسالۇ جېڭى[يەشمىسى:]قەدىمكى رىمدىكى كائېسار بىلەن پومپېينىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭ. مىلادىدىن 48 يىل ئىلگىرى، شىمالىي يۇناننىڭ تىسالىيە تەۋەلىكىدىكى فارسالۇ (Pharsalus) دېگەن جايدا يۈز بەرگەن. رىم تارىخچىسى ئاپپىئاننىڭ خاتىرىلىرىگە ئاساسلانغاندا، كائېسار ئارمىيىسى تەخمىنەن 22 مىڭ بولۇپ، ئاتلىق ئەسكىرى تەخمىنەن مىڭغا يېتىدىكەن؛ پومپېي ئارمىيىسى كائېسارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولۇپ، ئاتلىق ئەسكىرى تەخمىنەن 7 مىڭغا يېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مىسىر پادىشاھى پومپېيگە 60 ئۇرۇش كېمىسى (بۇ كېمىلەر دېڭىزدا توختاپ ئىشلىتىلمىگەن) ياردەم قىلغان. ئادەتتە پومپېينىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى كائېسارنىڭكىدىن ئۈستۈن دەپ قارىلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىككى تەرەپ ئارمىيىسى قاتتىق ئۇرۇش قىلغان، لېكىن پومپېي جەڭگە ياخشى قوماندانلىق قىلالمىغان ۋە جەڭ پۇرسىتىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولغان. كائېسار ئارمىيىسى 1200 ئادىمىدىن ئايرىلغان، پومپېي ئارمىيىسىدىن تەخمىنەن 6 مىڭ ئادەم ئۆلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا 20 مىڭدىن ئوشۇقراق ئەسكىرى ئەسىرگە چۈشكەن. پومپېي مىسىرغا قاچقان، كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن. كائېسار رىم دۆلىتىنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان.

فارماكوۋىسكىي

  • فارماكوۋىسكىي[يەشمىسى:]Борис Владимирович фармаковский،1870 - 1928) سابىق سوۋېت ئارخېئولوگى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخېئولوگىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ئاساسەن قەدىمكى دەۋردىكى قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا ئائىت ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. 5191 - 1091، 6291 - 4291-يىللىرى ئولۋىيە (Ольвия) شەھىرىنى قېزىش ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، مەزكۇر شەھەرنىڭ يەر كۆلىمى، ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۆي-ئىمارەتلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى شۇنىڭدەك ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى قاتارلىقلارنى ئېنىقلاپ چىققان. يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كىيېۋ، يىنوپاتولىيىدە ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بارغان. «روسىيىنىڭ قەدىمكى دەۋرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

فارىنى

  • فارىنى[يەشمىسى:]Luigi Carlo Farini، 6681 - 2181) ئىتالىيىنىڭ باش ۋەزىرى (3681 - 2681)، تارىخشۇناس، دوختۇر. پاپا پىئوس Ⅸ نىڭ رىم ئاممىۋى تازىلىقىنىڭ باش نازارەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1859-يىلى ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش ۋاقتىدا گاۋۇر تەرىپىدىن مۇدىنادا تۇرۇشلۇق پەۋقۇلئاددە ۋەكىل بولغان. فرانسىيە ئۇرۇشىنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە چېكىنىپ چىققان، بۇ چاغدا ئۇششاق بەگلىكلەرنىڭ خانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغاندا فارىنى روماننا، مۇدىنا ۋە پارمالارنى كونترول قىلىپ تۇرغان ھەمدە ئۇلارنى ساردېن پادىشاھلىقىغا قوشۇۋەتكەن. 1860-يىلى نېئاپولنىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىن ئىچكى ئىشلار ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. قىسقا ۋاقىت باش ۋەزىر بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «0581 - 4181-يىللىرىدىكى رىم دۆلىتىنىڭ تارىخى» بار.

فاتىخ ئەلى

  • فاتىخ ئەلى[يەشمىسى:]Fath Ali Shah، 4781 - 1771) ئىران كازار خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (4381 - 7971). ئاغا مۇھەممەدنىڭ جىيەن ئوغلى. ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى ئىراننىڭ ھوقۇق مەركەزلەشكەن تۈزۈمى ئاجىزلاشقان بولۇپ، يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە قەبىلە باشلىقلىرى پادىشاھ بىلەن قاتتىق قارشىلاشقان، دۆلەت پارچىلىنىپ، يېغىلىق توختىمىغان، دۆلەت كۈندىن-كۈنگە زاۋاللىققا يۈز تۇتقان. 1804 — 1813، 1826 - 1828-يىللىرىدىكى ئىككى قېتىملىق روسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ، ئىران جەنۇبىي كاپكاز رايونىدىن ئايرىلىپ قالغان؛ 1800 ۋە 1814-يىلدىكى ئىككى قېتىملىق «ئەنگلىيە-پېرسىيە شەرتنامىسى» ئىراننى يېرىم مۇستەملىكە يولىغا ماڭغۇزغان.

فاتىمە سۇلالىسى

  • فاتىمە سۇلالىسى[يەشمىسى:] جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا «يېشىل يەكتەكلىكلەر» دەپ ئېلىنغان. غەربنىڭ تارىخىي ھۈججەتلىرىدە بولسا جەنۇبىي ساراسېن ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتالغان. ئىسلام دىنى شىئە مەزھىپىنىڭ شىمالىي ئافرىقىدا قۇرغان فېئوداللىق سۇلالە (1711 - 909). مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمەنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. قۇرغۇچى ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ باشلىقى ئۇبەيدۇللا(Ubaydullah،؟ 439 -). ئۇ ئۆزىنى فاتىمە ۋە ئەلىنىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتىغان. مىلادى 909-يىلى مەھدى (Mahdi، نىجاتكار) دەپ نام ئېلىپ خەلىپە بولغان. تۇنىس دېڭىزى بويىدىكى مەھدىيە (Mahdia) شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. ئۇبەيدۇللانىڭ كېيىنكى ۋارىسلىرى ماراكەش ۋە سىتسىلىيە ئارىلىنى بويسۇندۇرغان، دېڭىز ئارمىيىسى ھەمىشە فرانسىيىنىڭ جەنۇبى ۋە ئىتالىيىنىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلىرىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان. 969-يىلى مىسىرنى ئىشغال قىلغان، 973-يىلى پايتەختنى قاھىرەگە كۆچۈرگەن، شۇنداق قىلىپ، سۇلالىنىڭ مەركىزى بارا-بارا مىسىرغا يۆتكەلگەن. كېيىن سۈرىيە، پەلەستىن ۋە ھىجاز رايونىنى ئىستېلا قىلغان. خەلىپە ئەزىز (al-Aziz) ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى (699 - 579) سۇلالە روناق تاپقان. سودا-سانائىتى تەرەققىي قىلغان،پەن-مەدەنىيىتى گۈللەپ ياشناپ، ئەزھەر مەسچىتى ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيادىكى مەشھۇر مەدرىسىگە ئايلانغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىن باشلاپ چوڭ ھوقۇق مەملۇكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. ئالجىرىيە ۋە تۇنىس قاتارلىق جايلار ئارقا-ئارقىدىن فاتىمە سۇلالىسىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇپ چىققان؛ سۈرىيە ۋە پەلەستىن سەلجۇق تۈركلىرى ھەم ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتىدە قالغان. 1171-يىلى فاتىمە سۇلالىسى سالاھىددىن تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.

فاشودا ۋەقەسى

  • فاشودا ۋەقەسى[يەشمىسى:] فاشودا بوھرانى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئافرىقىدىكى مۇستەملىكە تالىشىش يولىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇش بوھرانى. 1882-يىلى ئەنگلىيە مىسىرنى بېسىۋالغاندىن كېيىن «كاپېتون-قاھىرە پىلانى» نى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، كېپېتوندىن قاھىرەگىچە بولغان ئافرىقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان بىر مۇستەملىكە ئىمپېرىيىسىنى قۇرماقچى بولغان. فرانسىيە «يېشىل تۇمشۇق-سۇمالى پىلانى» نى يولغا قويۇپ، يېشىل تۇمشۇقتىن (كاپېۋېردېدىن) سۇمالىغىچە بولغان ئافرىقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ ئالجىرىيىگە تۇتىشىدىغان بىر مۇستەملىكە ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئىككى دۆلەت نىل دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا جايلاشقان سۇداننىڭ فاشودا (Fashoda، 1904-يىلى كودوك Kodok دەپ ئۆزگەرتىلگەن) دېگەن جايدا توقۇنۇشقان.1898-يىل 7-ئاينىڭ 10-كۈنى مارشان باشچىلىقىدىكى 128 نەپەر فرانسىيە ئەسكىرى غەربتىن يولغا چىقىپ شەرقتىكى فاشوداغا كېلىپ، بازا قۇرغان. 9-ئاينىڭ 18-كۈنى كىتسېنې (Kitchener) باشچىلىقىدىكى ئەنگلىيە قوشۇنى جەنۇب تەرەپتىن فاشوداغا يۈرۈش قىلىپ فرانسىيە قوشۇنىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارغا تەھدىت سالغان. ئاخىر فرانسىيە قوشۇنى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. ئىككىنچى يىلى 3-ئايدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنىپ، ئاساسىي جەھەتتىن چاد كۆلى، گانگۇ ۋە نىل دەرياسى ئېقىمى ئىككى تەرەپنىڭ مۇستەملىكە تەسىر دائىرىسىنىڭ چېگرىسى قىلىنغان، فرانسىيە سۇدانغا بولغان تەلىپىدىن ۋاز كېچىپ، نىل دەرياسى ۋادىسىدىن چېكىنگەن ۋە تۆلەم قاتارىدا چاد كۆلى ۋادىسى ۋە ۋاداي (Wadai) قاتارلىق جايلارغا ئىگە بولغان.

فاشىزم

  • فاشىزم[يەشمىسى:] ئىتالىيانچە Fascismo دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. مونوپول بۇرژۇئازىيىنىڭ ئاشكارا ھالدا ھاكىممۇتلەقلىك ۋە ئاق تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇشتىكى دىكتاتۇرا شەكلىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا مۇشۇنداق دىكتاتۇرا شەكلىنى تەرغىپ قىلىدىغان سىياسىي ئىدىيىۋى ئېقىمنىمۇ كۆرسىتىدۇ. «فاشىست» دېگەن سۆز لاتىنچە fasces دېگەن سۆزدىن كەلگەن، ئەسلىدە بىر پالتا قىستۇرۇلغان «بىر باغلام كالتەك» (قەدىمكى رىم ئەمەلدارلىرى ئەل ئىچىنى ئارىلاپ يۈرگەندە لېكتورلىرى ئېلىپ ماڭىدىغان ھوقۇقنى بىلدۈرىدىغان كالتەك) نى كۆرسىتىپ، زوراۋانلىق ۋە كۈچلۈك ھوقۇقنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىتالىيىنىڭ مۇسسۇلىن باشچىلىقىدىكى فاشىستىك پارتىيە ئەڭ ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويغان. 1920-يىلى گىتلېر ئوتتۇرىغا قويغان مىللىي سوتسىيالىزمى — گېرمانىيە فاشىزمىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا بۇرژۇئازىيىنىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىپ، ئاشكارا ھالدا ھاكىممۇتلەقلىك ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ، ئەمگەكچى خەلقنى باستۇرۇپ، بارلىق ئىلغار تەشكىلاتلارنى ۋەيران قىلغان؛ شوۋىنىزمنى يولغا قويۇپ، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش قوزغىغان؛ ھەدەپ ئىرقچىلىقنى تەرغىپ قىلىپ، «ئېسىل» مىللەت «پەس» مىللەت ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ ھەمدە پۈتۈن دۇنياغا خوجا بولىدۇ، دەپ جار سېلىپ، «پەس» مىللەتلەرنىڭ نەسلىنى يوقىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. 1922-يىلى مۇسسۇلىن باشچىلىقىدىكى فاشىستلار پارتىيىسى، 1933-يىلى گىتلېر باشچىلىقىدىكى ناتسىستلار پارتىيىسى زوراۋانلىق يۈرگۈزۈپ فاشىست دىكتاتۇرىسىنى ئورناتقان. شۇنىڭ ئالدى-كەينىدە ياپونىيىمۇ فاشىستلىشىش يولىغا قاراپ ماڭغان. ئۇلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان. يەنە ئىسپانىيە، پولشا، ۋېنگرىيە، بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ فاشىزمنى يولغا قويغان.

فاشىزمغا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاق

  • فاشىزمغا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاق[يەشمىسى:]1) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسىدا فاشىستىك ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن قۇرۇلغان خەلقئارا تەشكىلات. گېرمانىيە، پولشا ۋە ئىتالىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتتىكى ئىلغار ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، 1933-يىل 6-ئاينىڭ 4-، 6-كۈنلىرى پارىژدا قۇرۇلۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن 3500 ۋەكىل قاتناشقان، يىغىندا ياۋروپا فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى سايلاپ چىقىلغان. شۇ يىلى 8-ئايدا ئىتتىپاق «جاھانگىرلىككە قارشى ئىتتىپاق» بىلەن بىرلىشىپ، نامىنى «ئۇرۇشقا ۋە فاشىزمغا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاق» قا ئۆزگەرتكەن. (2) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، جۇڭگو ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرىدىغان باشقا دۆلەتلەر تۈزگەن فاشىزمغا قارشى بىرلىكسەپ. 1942-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق 26 دۆلەت ۋاشىنگتوندا «ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلغان، بۇ فاشىزمغا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ رەسمىي شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 1942-يىل 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئەنگلىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى «گىتلېر گېرمانىيىسى ۋە ئۇنىڭ ياۋروپادىكى قولچوماقلىرىغا قارشى ئۇرۇشتىكى ئىتتىپاق ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى شەرتنامە» نى ئىمزالىغان. 1942-يىل 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى «ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئۆزئارا ياردەم بېرىش پرىنسىپىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى كېلىشىم» نى ئىمزالىغان. كېيىنكى تېھران يىغىنى، يالتا يىغىنى، پوتىسدام يىغىنىدا فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاق تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن ۋە راۋاجلانغان. ئىتتىپاققا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە ئۇرۇش قىلىش مەقسىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى قىسمىدا باشتىن-ئاخىر ئېغىر زىددىيەت ۋە كۈرەش مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. لېكىن دۇنيادا ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغانلىكى كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، فاشىست تاجاۋۇزچى كۈچلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېتىم قالدۇرۇپ، ئاخىر گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.

فاشىست

  • فاشىست[يەشمىسى:]Fascis ياكى Fasces) قەدىمكى رىمدىكى ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىر تۈرلۈك ھوقۇق بەلگىسى. تاسما كەمەر بىلەن چىڭ باغلانغان بىر باغلام كالتەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىسى سىرتقا قارىتىلغان ئۆتكۈر پالتا قىستۇرۇلغان. بۇ «فاشىست» دەپ ئاتالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ تۈزۈم رىمنىڭ شىمالىدىكى قوشنىسى ئېترورىيىلىكلەردىن كىرگەن بولۇپ، دەسلەپكى چاغلاردا مونارخىيىنىڭ بەلگىسى بولغان، كېيىنكى چاغدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار سىرتقا چىققاندا ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى، يەنى لىكتور (Lictor) لىرى يۈدۈپ (ھەربىرى بىر باغلامدىن) ماڭغان، بۇ ئەمەلدارلارنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقىغا سىمۋول قىلىنغان. كېيىن ئىتالىيىدىكى فاشىست دېگەن نام شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان.

فاشىستلار پارتىيىسى

  • فاشىستلار پارتىيىسى[يەشمىسى:]Partito Nazionale Fascista) ئەسلى لاتىنچە Fasces نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن كەلگەن. (1) 3491 - 2291-يىللىرى ئىتالىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئەكسىيەتچىل مۇستەبىت پارتىيە. پارتىيە ئەزالىرى قارا رەڭلىك كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىدىغانلىقتىن، قارا كىيىملىك پارتىيە دەپمۇ ئاتالغان. بۇ پارتىيىنىڭ تەكتى 1919-يىلى مۇسسولىن تەشكىللىگەن فاشىستىك «جەڭگىۋار پولك» بولۇپ، 1921-يىلى پارتىيە بولۇپ قۇرۇلغان. 1922-يىلى 10-ئايدا مۇسسولىن رىمغا قوشۇن تارتىپ كېلىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان. كوممۇنىزمغا قارشى تۇرۇش، تەرتىپنى مۇقىملاشتۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات، بوھتان چاپلاش ھەمدە قولغا ئېلىش، يوشۇرۇن جازالاش ۋە قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتەك ئاق تېررورلۇق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، قەدەممۇقەدەم پارلامېنت تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاق تېررور مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ، فاشىستىك «ئومۇمىي دۆلەت» نى قۇرۇپ چىققان. سىرتقا قارىتا گېرمانىيە، ياپونىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ بېرلىن-رىم-توكيو ئوق مەركىزىنى قۇرۇپ، ئېفىئوپىيە، ئالبانىيىگە تاجاۋۇز قىلغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1943-يىلى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن يىمىرىلگەن. (2) مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30-ۋە 40-يىللىرى ياۋروپا، ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئىتالىيىدىكى فاشىستلار پارتىيىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئەكسىيەتچىل پارتىيىلەر بارلىققا كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى گېرمانىيە مىللىي سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى ئىدى.

فاشىستلارغا قارشى جەڭگىۋار ئىتتىپاق

  • فاشىستلارغا قارشى جەڭگىۋار ئىتتىپاق[يەشمىسى:] گېرمانىيە پرولېتارىياتىنىڭ فاشىزمغا قارشى ئىنقىلابىي تەشكىلاتى. 1930-يىلى گېرمانىيە كومپارتىيىسى تەشكىللىگەن. گېرمانىيە كومپارتىيىسىنىڭ «گېرمانىيە خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئازادلىقى پروگراممىسى» نىڭ (1930-يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى) تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ ئىتتىپاق كەڭ خەلق ئاممىسىنى سەپەرۋەر قىلىپ، فاشىستلار ۋە ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئۈنۈملۈك زەربە بەرگەن. قىزىل جەڭچىلەردىن كېيىن، خەلق ئاممىسىنى فاشىستلارغا قارشى كۈرەشكە كۆپ قېتىم تەشكىللىگەن. 1933-يىلدىن كېيىن ھەرىكىتىنى توختاتقان.

فاشىستىك ھەرىكەتلەرگە قارشى مەملىكەتلىك كومىتېت

  • فاشىستىك ھەرىكەتلەرگە قارشى مەملىكەتلىك كومىتېت[يەشمىسى:]گېرمانىيىدىكى فاشىزمغا قارشى ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى. 1932-يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى گېرمانىيە كومپارتىيىسى فاشىزمغا قارشى بىرلىكسەپ قۇرۇش توغرىسىدا چاقىرىق چىقىرىپ، زور تەسىر قوزغىغان. شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى گېرمانىيە كومپارتىيىسى، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە پارتىيىسىز زاتلار ۋەكىللىرى بېرلىندا فاشىزمغا قارشى بىرلىكسەپ يىغىنى چاقىرىپ، فاشىستىك ھەرىكەتلەرگە قارشى مەملىكەتلىك كومىتېت قۇرۇپ، پۈتۈن گېرمانىيە خەلقىنىڭ فاشىستىك ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. فاشىزمغا قارشى كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، گېرمانىيە كومپارتىيىسىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتكەن. 1933-يىلىغا كەلگەندە مەزكۇر كومىتېت ھەرىكىتىنى توختاتقان.

فاڭۇن

  • فاڭۇن[يەشمىسى:]Fa Ngoun ياكى Fa Ngun، 3731 - 6131)لائوس نەنجاڭ دۆلىتى-نىڭ قۇرغۇچىسى. موڭسۋا (Muong Swa) شەھىرىدىكى خان جەمەتىدىن كېلىپ چىققان. ئىلگىرى ئاتىسىغا ئەگىشىپ سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. كېخمىرنىڭ ئانۇكور ئوردىسىدا تەلىم ئالغان ۋە كېخمىر مەلىكىسى بىلەن توي قىلغان. قېيىن ئاتىسىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا قوشۇن تارتىپ، مىكونگ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى كىچىك بەگلىكلەرنى بويسۇندۇرۇپ، 1353-يىلى موڭسۋانى پايتەخت قىلىپ دۆلەت قۇرغان. كېيىن ئۈزلۈكسىز تۈردە كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ۋيېنتىيان قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرغان، تېررىتورىيىسىنى ھازىرقى ۋېيتنامنىڭ دىيەنبەنفۇدىن مىكونگ دەرياسى بويلاپ كامبودژانىڭ شىمالىي چېگرىسىغىچە كېڭەيتىپ، غەربتە چىڭۋەن، سىيامغا تۇتاشتۇرغان، شەرقتە ۋيېتنام، جەنپو بىلەن چېگرىلانغان. ھىنايانا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىپ، ئانكور سۇلالىسىدىن بالى يېزىقىدىكى دەستۇر ۋە پراباڭنىڭ (Pra Bang) ھەيكىلىگە ئىگە بولغان، شۇڭا پايتەخت نامىنى لاڭ پراباڭغا (Luang Prabang، پراباڭ شەھىرى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) ئۆزگەرتكەن. ھۆكۈمرانلىقىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرى دۆلەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن كارى بولمىغان، 1371-يىلى ۋەزىرى تەرىپىدىن خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان. ئىككى يىلدىن كېيىن سۈرگۈن قىلىنغان جايدا ئۆلگەن.

فالايىسې جېڭى

  • فالايىسې جېڭى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئارمىيىلىرىنىڭ فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇم خاراكتېرلىك جېڭى. 1944-يىلى نورماندىيە قۇرۇقلۇقىغا چىقىش جېڭى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ قوماندانلىق شتابى ئۇرۇشنىڭ پايدىلىق ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ تەلتۆكۈس يىغىلىپ بولۇشىنى كۈتمەيلا، يەنى 8-ئاينىڭ 10— 25-كۈنلىرى فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى فالايىسې، مولتان ۋە ئارگېنتان قاتارلىق جايلاردا گېرمانىيە ئارمىيىسىگە بولغان ھۇجۇمنى قانات يايدۇرۇپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنى لوئىرې دەرياسى ۋە سېنا دەرياسى قىرغاقلىرىغىچە چېكىندۈرمەكچى بولغان. 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسى ھۇجۇم باشلىغان، 13-كۈنى ئارگېنتانغىچە يېتىپ بارغان. 17-كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسى فالايىسېنى ئىشغال قىلغان. ئىككىنچى كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ بۇ رايوندىكى سەككىز دىۋىزىيىسىنى مۇھاسىرىگە ئالغان. 20-كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن، لېكىن كۆپ قىسمى ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشكەن، قالغان قىسىملىرى چېكىنىپ سېنا دەرياسىدىن ئۆتكەن. 25-كۈنى ئىتتىپاقداش ئارمىيە سېنا دەرياسى بويىغىچە بېسىپ كىرىپ، دەريانىڭ سول قىرغىقىدىكى قۇرۇقلۇققا چىقىشقا بولىدىغان بەزى مۇھىم جايلارنى ئىشغال قىلغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ گېرمانىيىگە قارىتا يېڭى ھۇجۇم قوزغىشىغا پايدىلىق بولغان.

فالكېنخان

  • فالكېنخان[يەشمىسى:] Erich von Falkenhayn، 2291 - 1681) گېرمانىيە گېنېرالى. 1900-يىلى سەككىز دۆلەتنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ۋە يىخېتۇەن ھەرىكىتىنى باستۇرغان. 5191 - 3191-يىللىرى پرۇسسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ۋەزىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان. ۋېردۇن جېڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، شەرق سېپىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن.

فاللا

  • فاللا[يەشمىسى:]Manuel de Falla، 6491 - 6781) ئىسپانىيىلىك كومپوزىتور. كادىزدا تۇغۇلغان. كىچىك چاغلىرىدا ئانىسىدىن پىئانىنو چېلىشنى ئۆگەنگەن، كېيىن ئاتاقلىق كومپوزىتور پېدرېل (F. Pedrell، 1841 - 1922) قاتارلىقلاردىن ئۆگەنگەن. 20 ياش ۋاقتىدا مادرىد مۇزىكا شۆيۈەنىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 4191 - 7091-يىللىرى پارىژدا داڭلىق كومپوزىتورلار دېبوسې، دۇكاس ۋە راۋېل قاتارلىقلار بىلەن تونۇشۇپ ئىمپىرېسسىئونىزمچىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، لېكىن ئىسپانىيىنىڭ مىللىي ئۇسلۇبى ۋە يەرلىك ئەنئەنىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قالغان. 1921 — 1939-يىللىرى گرانادا شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەمدە چەت ئەللەرنى ساياھەت قىلغان. 1939-يىلى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئارگېنتىنادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئۆمۈر قىسقا» ناملىق ئوپېراسى، «مۇھەببەت سېھرىگەرى»، «ئۈچ قىرلىق قالپاق» ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىرى، پىئانىنو ۋە مۇزىكا دۈيى ئورۇنلىغان «ئىسپانىيە باغچىسىدىكى كېچە» ناملىق يۈرۈشلەشكەن كۈيلەر؛ قورچاق تىياتىرى «خوجايىن پېدرونىڭ قورچاق ئويۇنى» ھەمدە پىئانىنو مۇزىكىسى، يالغۇز كىشىلىك ناخشا مۇزىكىسى ۋە خور مۇزىكىسى قاتارلىقلار بار.

فاللىرې

  • فاللىرې[يەشمىسى:]Clement Armand Pallieres، 1841 - 1931) فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (3191 - 6091). 1876-يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، سول قاناتقا قاتناشقان. 1882 - 1883-يىللىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1883-يىل 1-ئاينىڭ 29-كۈنى زۇڭلى بولغان، ئىچكى كابىنېت يىگىرمە بىر كۈنلا دەۋر سۈرۈپ ئاندىن ئاغدۇرۇلغان. كېيىن كۆپ قېتىم جامائەت مائارىپ ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1890-يىلى كېڭەش پالاتاسىغا سايلانغان. 6091-9981-يىللىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولغان. زۇڭتۇڭلۇقتىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن سىياسىي ساھەگە ئارىلاشمىغان.

فالوڭ ئىبادەتخانىسى

  • فالوڭ ئىبادەتخانىسى[يەشمىسى:]ياپونىيىنىڭ قەدىمكى ئىبادەتخانىسى. نەيلياڭ ناھىيىسىدە. پاختەك ئىبادەتخانىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جەنۇبىي ئاستانىدىكى يەتتە چوڭ ئىبادەتخانىنىڭ بىرى. مىلادى 607-يىلى شاھزادە شىندې تېننو يوڭمىڭنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ياساتقان. 670-يىلى ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان. كېيىن بىرقانچە قېتىم قايتا ياسىلىپ، رېمونت قىلىنغان. ئىبادەتخانىنىڭ بىنالىرى، بۇددا ھەيكەللىرى، رەسىملىرى ھەمدە ھەرخىل نەرسە-كېرەكلەرنىڭ ھەممىسى مۇھىم ئاسار ئەتىقىلەردىن ئىبارەت. مەزكۇر ئىبادەتخانا ھازىر شىندې مەزھىپىنىڭ باش ئىبادەتخانىسى ھېسابلىنىدۇ.

فائۇم

  • فائۇم[يەشمىسى:]Fayoum-la ياكى Faiyum) قەدىمكى مىسىردىكى يەر نامى. مېمىپىسنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن تەخمىنەن 50 كىلومېتر يىراقلىقتىكى يەرگە جايلاشقان. ئەسلى سازلىق يەر. ئوتتۇرا پادىشاھلىق مەزگىلىدىكى 12-سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋىنى ئامېنېمېت Ⅲ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅨ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅧ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىق) بۇ جايدا مىلدوف (مورس) سۇ ئامبىرىنى ياساتقۇزغان؛ ئۆستەڭ چاپقۇزۇپ، توسما ۋە سۇ چۈشۈرگىلىرىنى ياساتقۇزۇپ نىل دەرياسىنىڭ سۈيىنى راۋانلاشتۇرغان؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا، فائۇم ئەتراپىدىكى 2500 گېكتار كېلىدىغان سازلىقنى تېرىلغۇ يەرگە ئايلاندۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا كاخۇن شەھىرىنى، ئوردا-سارايلارنى («سىرلىق ئوردا» دېگەن نامى بار) ۋە ئىبادەتخاا قاتارلىقلارنى سالدۇرغان. ئارخېئولوگلار بۇ يەردىن قەدىمكى قۇرۇلۇشلارنىڭ خارابىلىرىنى شۇنىڭدەك سامان قەغەزگە يېزىلغان زور بىر تۈركۈم ھۈججەتلەرنى تاپقان. ھازىر قاھىرەنىڭ جەنۇبىدىكى مىسىر ئۆلكىسىنىڭ ئىسمى.

فاۋرې

  • فاۋرې[يەشمىسى:]Gabriel Claude Iules Favre، 0881 - 9081) فرانسىيىلىك دىپلومات. ئەسلى كەسپى ئادۋوكات. 1830-يىلىدىن باشلاپ جۇمھۇرىيەتچى بولغان. 1848 - 1851-يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. گيۇگو قاتارلىقلار بىلەن 1851-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارىتا كۈچىدا قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشنى تەشكىللىمەكچى بولغان. 1858-يىلى ناپولېئون Ⅲ نى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئىتالىيىلىك مىللەتچى ئورىسنى ئاقلاپ چىقىپ نام قازانغان. 1870-يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىنىپ، پرۇسسىيىگە: «بىز ھەرگىز بىر سۇڭ يېرىمىزنى بوشىتىپ بەرمەيمىز، ھەرگىز ئىستىھكاملىرىمىزنىڭ بىر تال تېشىنىمۇ بەرمەيمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلغان. لېكىن گېرمانىيە بىلەن بولغان سۆھبەتتە بىسماركنىڭ فرانسىيىگە زورلاپ تاڭغان ھاقارەتلىك شەرتلەرنى قوبۇل قىلغان، 1871-يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە 5-ئاينىڭ 10-كۈنى «فرانكفورت سۈلھ شەرتنامىسى» گە قول قويغان. شەرتنامە تۈزۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. فاۋرېنىڭ «ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى» نۇتۇقلار توپلىمى بار.

فايىئېنسې ساپال قاچىسى

  • فايىئېنسې ساپال قاچىسى[يەشمىسى:]Faience) ئەسلىدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى بىر خىل ياۋروپا رەڭلىك ساپال قاچىسى كۆزدە تۇتۇلاتتى. ئارخېئولوگىيىدە بولسا كۋارتىستىن ئىشلەنگەن، سودا سىر بېرىلگەن ئەسۋابلار كۆرسىتىلىدۇ. مىس بوياق قىلىنغانلىقتىن، توق كۆك رەڭلىك بولغان. بۇنداق ئەسۋابلار ئىچىدە ئەينەك ئۈنچە، تامغا، كىچىك تىپتىكى قاچىلاش ئەسۋابلىرى، تۇمار قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا ئىككى خىل گەپ بار. بىرى، مىسىرنىڭ ئامرا دەۋرى، يەنە بىرى، مېسوپوتامىيىنىڭ ئوبىد دەۋرى. سەل كېيىنرەك ياۋروپا، جەنۇبىي روسىيە، ھىندىستان قاتارلىق جايلاردىكى قېزىلمىلاردىنمۇ تېپىلغان.

فايسال سۇلالىسى

  • فايسال سۇلالىسى[يەشمىسى:]8591 - 1291-يىللىرى)ئىراقتا ھۆكۈم-رانلىق قىلغان سۇلالە. ئۇنى ھېجازلىق ھاشىم جەمەتىدىن كېلىپ چىققان فايسال I (Faisal I، 1885 - 1933) 1921-يىلى ئەنگلىيىنىڭ يۆلىشى بىلەن قۇرغان. سۇلالە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، ئىراققا ئەنگلىيە مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1930-يىلى «ئەنگلىيە-ئىراق ئىتتىپاقى شەرتنامىسى» ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئىراق نامدا مۇستەقىللىككە ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيە يەنىلا ئىراقنىڭ ھەربىي ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىراق ئەنگلىيە بىلەن ئىتتىپاق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ساقلىغان ھەمدە پەيدىنپەي ئامېرىكىغا بېقىنغان. 1955-يىلى «باغداد شەرتنامىسى» ئىمزالانغان، كېيىن ئىزىنخائوئېرچىلىقنى قوبۇل قىلغان. 1958-يىلى ئىئوردانىيە بىلەن «ئەرەب قوشما شتاتى» نى تەشكىل قىلىپ، ئەرەب مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىك سالغان، سول قانات پارتىيىلەرنى باسقان، خەلقنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى ھەرىكىتىنى باستۇرغان. 1958-يىل 7-ئاينىڭ 14-كۈنى قاسىم (Abdul Karim Kassim، 4191-3691) باشچىلىقىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ھەربىيلەر رەھبەرلىك قىلغان ئىراق ئىنقىلابى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. پادىشاھ فايسال Ⅱ (Faisal Ⅱ، 8591 - 5391) ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئىراقتا جۇمھۇرىيەت جاكارلانغان.

فەرغانە دۆلىتى

  • فەرغانە دۆلىتى[يەشمىسى:]جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابلىرىدا خەنزۇچە ھەرخىل ئاتالغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سىر دەرياسى ۋادىسىدىكى فەرغانە رايونىغا جايلاشقان. جۇڭگو غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە فەرغانە دەپ ئاتالغان بولۇپ، سەيياھ جاڭ چيەن بۇ جايغا بارغان. ئۇزاق ۋاقىت مۇستەقىللىكنى ساقلاپ كەلگەن، مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، تۈركلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان. 658-يىلى (تاڭ سۇلالىسى شيەنچىڭنىڭ 3-يىلى) تاڭ سۇلالىسى غەربىي تۈركلەرنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، بۇ جايدا ئەركەشتام تۇتۇق مەھكىمىسىنى قۇرغان. 715-يىلى (تاڭ سۇلالىسى كەييۈەننىڭ 3-يىلى) ئەرەبلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ، تاڭ سۇلالىسىدىن ياردەم سورىغان، تاڭ سۇلالىسى قوشۇن ئەۋەتىپ ئەرەبلەرنى مەغلۇپ قىلغان. 744-يىلى (تاڭ سۇلالىسى تيەنباۋنىڭ 3-يىلى) تاڭ سۇلالىسى بۇ دۆلەتنىڭ نامىنى نىڭيۈەنگە ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ پادىشاھىغا فېڭخۇاۋاڭ دېگەن نامنى ئاتا قىلغان ھەمدە تاڭ سۇلالىسى خان جەمەتىدىن بولغان مەلىكە خېيىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلغان. 751-يىلى تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئەرەبلەر تالاس شەھىرى (Talas، ھازىرقى جامبۇل شەھىرى) دە جەڭ قىلغان. فەرغانە تاڭ سۇلالىسىگە ياردەملىشىپ ئەرەبلەر بىلەن جەڭ قىلغان. ئەرەبلەرنىڭ تەسىر كۈچى ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرگەندىن كېيىن، فەرغانە جۇڭگو بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇپ، پادىشاھقا پات-پات ئولپان تەقدىم قىلىپ تۇرغان. Ⅸ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سامانىلار خاندانلىقى ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسىگە ئەل بولغان.

فەن خوڭتەي

  • فەن خوڭتەي[يەشمىسى:]1893 - 1924) ۋيېتنامنىڭ ئىرادىلىك ۋەتەنپەرۋەرى. ئەسلى ئىسمى چېڭجى. نگېئان ئۆلكىسىدىن. ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1924-يىل 6-ئاينىڭ 19-كۈنى جۇڭگونىڭ گۇاڭجۇ ئۆلكىسىدىكى شاميەندە بومبا تاشلاپ فرانسىيىنىڭ ھىندىچىنىدا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى مېرىلىن (Martial Merlin) نى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. فرانسىيە كونسېسسىيە ساقچىلىرى قوغلاپ تۇتماقچى بولغاندا ئۆزىنى جۇجياڭ دەرياسىغا تاشلاپ ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولغان.

فەن شىۋېن قوزغىلىڭى

  • فەن شىۋېن قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]ۋيېتنامدىكى چىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى. 1389-يىلى راھىب فەن شىۋېن ئاممىغا باشچىلىق قىلىپ گوۋىي (ھازىرقى شەنسى) دېگەن جايدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە پايتەخت تخانلۇڭ (ھازىرقى خانۇي) شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، بۇ جايدا ئۈچ كۈن تۇرغان، پادىشاھ ئالدىراپ-تېنەپ قېچىپ كەتكەن. كېيىن چىن سۇلالىسى قوشۇنى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.

فراساۋ

  • فراساۋ[يەشمىسى:]Phra Cao، 1734 - 1782) ئەسلى ئىسمى جىن شىن، تايلاندلىقلار پادىشاھ تاكسىن (تايلاندچە «سىن» نىڭ مەنىسى بايلىق دېگەنلىك) دەپ ئاتىغان. سىيام (بۈگۈنكى تايلاند) دىكى تونبۇرى سۇلالىسىنىڭ (1767 - 1782) قۇرغۇچىسى. جۇڭگونىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى چىنخەيلىك جىن يۇڭ بىلەن سىياملىق ئايال نوك ياڭ (Nok Yang) نىڭ بالىسى. ئوردىغا كىرىپ قورۇقچى بولغان. داچىڭ ناھىيىسىنىڭ ئامباللىقىغا تەيىنلىنىپ كېيىن گەن پېڭبىنىڭ باسقاۋۇللۇقىغا ئۆستۈرۈلگەن. 1767-يىلى 4-ئايدا ئايۇتىيە سۇلالىسى بىرما تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن يېڭىباشتىن قوشۇن تەشكىللەپ، بىرما ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، قەدىمكى پايتەختنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. شۇ يىلى پادىشاھ بولغان. مېينەنخې دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تونبۇرىنى يېڭى پايتەخت قىلىپ، تونبۇرى سۇلالىسىنى قۇرغان، ئاندىن كېيىن داۋاملىق ھالدا ئىچكى قالايمىقانچىلىقنى تىنجىتقان، ھوقۇقنىڭ مەركەزلىشىشىنى مۇستەھكەملىگەن. تەختتىكى مەزگىلدە جۇڭگو، ياپونىيە بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلىغان. 1771-ۋە 1781-يىللىرى ئىككى قېتىم جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. 1782-يىلى قول ئاستىدىكى چاۋپرا ياچاكرى (راما Ⅰ) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

فرانسⅠ

  • فرانسⅠ[يەشمىسى:]Franz Ⅰ، 5671 - 8071) لوررېن (Lorraine) گېرتسوگى (6371 - 9271)، توسكانا كىنەزى (5671 - 7371)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى (6671 - 5471)، ئاۋسترىيە كورۇلى مارىيە تېرېسىيە (Maria Theresia) نىڭ ئېرى. 1740-يىلى ئايالى بىلەن ئاۋسترىيە-خابسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ مىراسلىق زېمىنىغا بىللە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقتىن، خابسبۇرگ لوررېن جەمەتىنىڭ دەسلەپكى ئەجدادى دەپ قارالغان. 1745-يىلى ئاۋسترىيىنىڭ خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىدا، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورلۇقىغا سايلانغان.

فرانسⅡ

  • فرانسⅡ[يەشمىسى:]Franz Ⅱ 1768 - 1835) ئاۋسترىيە كورۇلى (1792 - 1804)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (6081 - 2971). 1804-يىلدىن باشلاپ ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى بولۇپ، نامىنى فرانس Ⅰ دەپ ئۆزگەرتكەن. 1795-يىلى پولشانى ئۈچىنچى قېتىملىق بۆلۈشۈۋېلىشقا قاتناشقان. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا ئىنتايىن ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ، فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق ئۇيۇشتۇرۇشقا كۆپ قېتىم قاتناشقان. ئۈچىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقتا ناپولېئون تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ، 1806-يىلى 8-ئايدا مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى دېگەن نامدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان. 1809-يىلى فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشتا يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ بولۇپ، ئاۋسترىيە فرانسىيىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلانغان. «مۇقەددەس ئىتتىپاق» نى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، گېرمانىيە ۋە ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنى كۆپ قېتىم باستۇرغان.

فرانسوسچىلار

  • فرانسوسچىلار[يەشمىسى:] يەنى «ئوردو فرانكىسسا نورۇم».

فرانسۋا-پونسېت

  • فرانسۋا-پونسېت[يەشمىسى:]Andre Francois - poncet، 1887 - 1978) فرانسىيە دىپلوماتى. فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى (1952). پارىژ ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1924-يىلى پارلامېنتقا كىرگەن. 1928-يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. 1391 - 0391-يىللىرى خەلق ئىگىلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېرلىن ۋە رىمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. پۈتۈن كۈچى بىلەن تىنچلاندۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئىزچىل ھالدا گېرمانىيە-ئىتالىيە فاشىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە كېڭەيمىچىلىكىنى ئاقلىغان، گېرمانلار پولشاغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىنمۇ ئۈمىدىنى يەنىلا مۇسسولىن (Mussolini) نىڭ كېلىشتۈرۈشىگە باغلىغان. 4491 - 3491-يىللىرى گېرمانىيىدە قاماقتا ياتقان. ئۇرۇشتىن كېيىن، 3591 - 5491-يىللىرى گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىم بولغان. 1953 - 1955-يىللىرى بوننىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. «بېرلىندا باش ئەلچى بولغان مەزگىللىرىم توغرىسىدا ئەسلىمىلەر»، «ۋېرسالدىن پوتىسدامغىچە» دېگەن ئەسەرلىرى بار.

فرانسېسكو

  • فرانسېسكو[يەشمىسى:]،Francescod Assisi، تەخمىنەن 6221 - 2811). كاتولىك دىنى فرانسېسكو مەزھىپىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئىتالىيىنىڭ ئاسسىسى (Assisi) شەھىرىدىكى بىر نىلون سودىگىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1202-يىلى پېروگىيا (Perugia) شەھىرىدىكى ئۇرۇشتا ئەسىر چۈشۈپ، بىر يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. 1205-يىلدىن باشلاپ پاك، نامرات تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. كېيىن يەنە «پاك نامراتلىق خۇش خەۋىرى» نى تەرغىپ قىلىپ، مۇرىت توپلىغان (مۇرىتلار ئۆزئارا بىربىرىنى قېرىنداشلار دەپ ئاتاشقان)، شۇنداقلا تۇرمۇش ئۆلچەملىرىنى بېكىتىپ فرانسېسكو مەزھىپىنى قۇرغان. 1210-يىلى پاپا ئىننوكىنتىئۇس Ⅲ نىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. 1212-يىلى فرانسېسكو ئىككىنچى مەزھەپنى (ئايال موناستىرلار مەزھىپى) قۇرۇشقا ياردەملەشكەن. ئەھلىسەلىپ بەشىنچى قېتىملىق شەرققە يۈرۈش قىلغان مەزگىلدە، 1219-يىلى مىسىرغا بارغان. كېيىن مۇقەددەس شەھەر ئېروسالىمنى تاۋاپ قىلغان. 3221 - 1221-يىللىرى مەزھەپنىڭ قائىدىسىنى ئىككى قېتىم ئۆزگەرتكەن. ئۆلگەندىن كېيىن پاپا ئۇنى ھۈرمەتلەپ «مۇقەددەس مۇرىت» دەپ نام بەرگەن.

فرانسېسكو مەزھىپى

  • فرانسېسكو مەزھىپى[يەشمىسى:]Ordo Francsicanorum) كىچىك قېرىنداشلار مەزھىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كاتولىك دىنىنىڭ قەلەندەر موناخلار مەزھىپىنىڭ ئاساسلىق مەزھەپلىرىدىن بىرى. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىتالىيىلىك فرانسېسكو قۇرغان. 1210-يىلى پاپا ئىننوكىنتوسⅢ نىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشكەن. مۇرىتلىرى ئىجتىمائىي سىياسىي پائالىيەتلەرگە پائال قاتناشقان ھەمدە ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىشتەك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، تۆۋەن قاتلامدىكى خەلق ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتكەن. دەسلەپتە بۇ مەزھەپتىكىلەر پاك نامراتلىقنى ئۈلگە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەزھەپنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەركۆپلىگەن مال-دۇنياغا ئىگە بولۇۋالغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە ⅩⅣ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ مەزھەپ جۇڭگونىڭ بېيجىڭ، چۇەنجۇ قاتارلىق جايلىرىغا مۇرىتلىرىنى ئەۋەتكەن. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەنە جۇڭگوغا مۇرىت ئەۋەتكەن. فرانسېسكو مەزھىپى تا ھازىرغىچە غەربىي ياۋروپا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە يەنىلا ھەرىكەت قىلىپ يۈرمەكتە.

فرانسې-كومتې

  • فرانسې-كومتې[يەشمىسى:]Franche - Comte) يەنە بىر ئىسمى بۇرۇندې بەگلىكى. فرانسىيىنىڭ شەرق قىسمىدىكى تارىخىي رايوننىڭ ئىسمى. مىلادى Ⅴ ئەسىردە بۇرۇندې پادىشاھلىقىغا قارىغان. Ⅵ ئەسىرگە كەلگەندە فرانكلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. Ⅹ ئەسىردە ئارلېس سۇلالىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغان. Ⅺ ئەسىردە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. 1384-يىلى بۇرۇندې كىنەزلىكىگە تەۋە بولغان. 1482-يىلى خابسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ تېررىتورىيىسى بولۇپ قالغان. 1674-يىلى فرانسىيىگە قوشۇلۇپ كەتكەن.

فرانسىسⅠ

  • فرانسىسⅠ[يەشمىسى:]Francois I، 7451 - 4941) فرانسىيە ۋالوئى سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (7451 - 5151). تەختتىكى مەزگىللىرى ئىستىبداتلىقنى يولغا قويۇپ، چوڭ ھوقۇقنى ئۆزىنىڭ ۋە مەسلىھەتچىلەر ئورگىنىنىڭ چاڭگىلىدا تۇتۇپ، مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرۇپ، پۈتۈن دۆلىتىدىكى چېركاۋلارنى كونترول قىلغان («بولوگنا دىنى شەرتنامىسى» گە قارالسۇن). سودا-سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى رىغبەتلەندۈرگەن. سىرتقا نىسبەتەن داۋاملىق ھالدا ئىتالىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان (9551 - 4941). 1515-يىلى مارىنانو ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ، مىلاننى ئىشغال قىلغان. كېيىن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ بىلەن تۆت قېتىم ئۇرۇش قىل-غان (5251 - 1251، 7251 - 9251، 4451 - 2451) 6351 - 8351. 1525-يىلى پاۋىيە (Pavia، شىمالىي ئىتالىيىگە جايلاشقان) دىكى جەڭدە يېڭىلىپ، ئەسىرگە چۈشكەن. ئىككىنچى يىلى چارلېس Ⅴ بىلەن «مادرىد سۈلھ شەرتنامىسى» تۈزگەن. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن شەرتنامىنى بۇزغان، شۇنىڭ بىلەن، يەنە ئۇرۇش يۈز بەرگەن. سىرتنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، تۈركىيە سۇلتانى سۇلايمان Ⅰ بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. 1544-يىلى چارلېس Ⅴ قوشۇن باشلاپ فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، فرانسىسنى يەنە بىر قېتىم تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشكە مەجبۇرلىغان.

فرانسىسⅡ

  • فرانسىسⅡ[يەشمىسى:]Francois II، 0651 - 4451) فرانسىيە ۋالوئى سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1559 - 1560). تەختتىكى مەزگىللىرى ئوردا ھاكىمىيىتى گېسې جەمەتىنىڭ چاڭگىلىغا ئۆتۈپ كەتكەن. 1560-يىلى خوگېنوتىس مەزھىپىنىڭ ئاقسۆڭىكى ئانتونى بۇربون(Antoine de Bourbon، 2651 - 8151) ۋە لۇئى كوندې (Louis I de conde، 9651 - 0351) باشچىلىقىدا شۇ چاغدىكى ئانبوۋاز قەلئەسىدە تۇرۇۋاتقان بالا كورۇل فرانسىس Ⅱ نى تۇتۇپ كېتىپ، گېسى جەمەتىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولغان (تارىختا«ئانبوۋاز سۇيىقەستى» دەپ ئاتىلىدۇ)، سۇيىقەست ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىن بۇ ئىشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆلتۈرۈلگەن.

فرانسىس گىسې

  • فرانسىس گىسې[يەشمىسى:]Francois de Lorraine Guise،1519 - 1563) فرانسىيىلىك گراف گىسې. كلائۇدې گىسېنىڭ ئوغلى (Claude de Lorraine Guise، 0551 - 6941). 1552-يىلى مېتز (Metz، ھازىرقى فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان) دا مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ نى مەغلۇپ قىلغان. 1558-يىلى ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ قولىدىن كالائىس پورتىنى تارتىۋېلىپ، ئاخىر ئەنگلىيىنىڭ كۈچلىرىنى فرانسىيە ۋە ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن قوغلاپ چىقارغان. فرانسىيە كورۇلى فرانسىس Ⅱ تەختكە ئولتۇرغان مەزگىللىرى (1559 - 1560) ئىنىسى، يەنى لورراننىڭ قىزىل تونلۇق ئېپىسكوپى چارلېس بىلەن ھاكىمىيەت سورىغان. 1560-يىلى خوگېنوتىس مەزھىپىنىڭ ئانبوۋاز سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلغان. 1562-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنى قوشۇن باشلاپ ۋاسسې بازىرىدا (Vassy، ھازىرقى كالۋادوس [Calvados] ئۆلكىسىدە) خوگېنوتىس مۇرىتلىرىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، 200 دىن ئوشۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە يارىدار قىلغان، بۇ ۋەقە خوگېنوس ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان.

فرانسىيە

  • فرانسىيە[يەشمىسى:]Jose Gaspar Rodriguez Francia، 0481 - 6671) پاراگۋاي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى، مۇستەبىت (0481 - 4181). ئىلاھىيەت ۋە قانۇن ئوقۇغان، كوردوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇنسېررات ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1785-يىلى ئىلاھىيەت دوكتورلۇقى ئۇنۋانىنى ئالغان. لاتىن يېزىقى ۋە ئىلاھىيەتتىن دەرس ئۆتكەن، كېيىن ئادۋوكات بولغان. 1811-يىلى پاراگۋاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىشقا قاتناشقان. 1813-يىلى پاراگۋاينىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. 1814-يىلدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئالغان مۇستەبىتكە ئايلىنىپ، «دۆلەت باشلىقى» دەپ ئاتالغان. پاراگۋاينىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغداش ئۈچۈن، سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشماسلىق ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ سانائەت-يېزا ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى قوللانغان. چېركاۋلارنىڭ ھوقۇقىغا چەك قويغان، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئورنىنى ئاجىزلاتقان ھەمدە سىياسىي دۈشمەنلىرىگە قاتتىق زەربە بەرگەن، شۇنداقلا تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويغان.

فرانسىيە 6-فېۋرال توپىلىڭى

  • فرانسىيە 6-فېۋرال توپىلىڭى[يەشمىسى:]فرانسىيە فاشىستلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى. 1943-يىلىنىڭ باشلىرى، فاشىست ئۇنسۇرلار ۋە ئوڭ قانات گۇرۇھلار ستاۋىسكىي ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي بوھران پەيدا قىلىپ، سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشقا ئۇرۇنغان. 2-ئاينىڭ باشلىرى فاشىست ئۇنسۇرلار فرانسىيە كوچىلىرىدا داۋاملىق تۈردە توقۇنۇش پەيدا قىلغان، 200 دىن ئوشۇق ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان. 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 20 مىڭدىن ئوشۇق فاشىست ئۇنسۇر بوربون سارىيىنى قورشىۋېلىپ، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىشنى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەممە ئەزالىرىنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. پارىژ خەلقى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەملەشكەن. دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تۇراقسىزلىقى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، سول قانات كۈچلەر بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، فاشىزمغا قارشى تۇرغان. 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 500 مىڭ ئىشچى پارىژدا فاشىزمغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. 12-كۈنى 45 مىڭ ئىشچى ھەرقايسى جايلاردا مەملىكەت بويىچە فاشىزمغا قارشى كەڭ كۆلەمدە ئىش تاشلاپ ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، فاشىستلارنىڭ سۇيىقەستىنى تارمار قىلىپ، خەلق فرونتىنى قۇرۇشقا شەرت ھازىرلىغان.

فرانسىيە-ئالجىرىيە ئۇرۇشى

  • فرانسىيە-ئالجىرىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] فرانسىيىنىڭ ئالجىرىيىگە تاجاۋۇزقىلغان مۇستەملىكىلىك ئۇرۇشى. فرانسىيە ئالجىرىيىگە خېلى ئۇزۇنغىچە كۆز تىكىپ يۈرگەن. 1827-يىل 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئالجىرىيە ھۆكۈمرانى ھۈسەيىن دېي فرانسىيە كونسۇلى دېۋال (Pierre Deval) نى قوبۇل قىلىپ، فرانسىيىنىڭ ۋالىي مەھكىمىسى ۋاقتىدىكى قەرزىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن دېۋالنىڭ پوزىتسىيىسى قاتتىق بولغاچقا، ھۈسەيىن ئۇنىڭغا يەلپۈگۈچنى ئاتقان. شۇنىڭ بىلەن فرانسىيە ھۆكۈمىتى «يەلپۈگۈچ ۋەقەسى» نى باھانە قىلىپ، بۇرمونغا ئوتتۇز مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ يۈرۈش قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بۇرمون 1830-يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئالجىرىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش قوزغىغان. 19-كۈنىدىكى سىتائۇئېلى (Staoueli) جېڭىدە ھۈسەيىننىڭ مۇھاپىزەتچى ئارمىيىسى مەغلۇپ قىلىنغان. 7-ئاينىڭ 4-كۈنى فرانسىيە ئارمىيىسى پادىشاھ جەمەتىنىڭ قەلئەسىنى توپقا تۇتقان. 6-كۈنى ھۈسەيىن تەسلىم بولۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان، فرانسىيە ئارمىيىسى ئالجىر شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، دۆلەت خەزىنىسىنى بۇلاپ، شەھەر ئاھالىسىنى تالان-تاراج قىلغان. شۇنداق قىلىپ، ئالجىرىيە فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان.

فرانسىيە بەشىنچى جۇمھۇرىيىتى

  • فرانسىيە بەشىنچى جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:] فرانسىيە بەشىنچى جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن قۇرۇلغان بۇرژۇئازىيە جۇمھۇرىيىتى. 1958-يىلى 9-ئايدا زۇڭتۇڭنىڭ ھەربىي، سىياسىي ھوقۇقىنى كۈچەيتىدىغان ئاساسىي قانۇن ماقۇللىنىپ، 1946-يىلى ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇننىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن، 10-ئايغا كەلگەندە كۈچكە ئىگە بولۇپ، بەشىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. 

فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى

  • فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى[يەشمىسى:] 1789 - 1794-يىللىرى فرانسىيە بۇرژۇئازىيىسى رەھبەرلىكىدىكى فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، كاپىتالىزم تۈزۈمىنى ئورناتقان ئىنقىلاب. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرى فرانسىيىنىڭ فېئودال مۇستەبىت تۈزۈمى ئىنتايىن چىرىكلىشىپ، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتلەر كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلىشىپ كەتكەن. 1789-يىلى 5-ئايدا پادىشاھ ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى ئېچىشقا مەجبۇر بولغان. خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئۈچىنچى دەرىجىلىكلەر ۋەكىللىرى پادىشاھ باشچىلىقىدىكى ئىمتىيازلىق تەبىقىلەرگە قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرغان. 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، پارىژ خەلقى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، باستىلىيە تۈرمىسىنى ئىشغال قىلغان. شۇنداق قىلىپ، ئىنقىلاب پارتلىغان. دەسلەپ چوڭ بۇرژۇئازىيە ۋە لىبېرال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پادىشاھلىق-ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرەپدارلىرى (كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە فېيلانتسچىلار دەپ ئاتالغان) ھوقۇق ئىگىلىگەن. خەلق ئاممىسىنىڭ تەلىپى بىلەن ئانچە مۇھىم بولمىغان بەزى فېئودال ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغان؛ بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ سىياسىي پروگراممىسى «كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلغان؛ «1791-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن» نى تۈزۈپ چىقىپ، پادىشاھلىق-ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئورناتقان. لېكىن پادىشاھلىق-ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرەپدارلىرىنىڭ يەر سىياسىتى ئانچە ئۈزۈل-كېسىل ئېلىپ بېرىلمىغان، شۇنىڭدەك ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشى ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇشىنى چەكلەيدىغان «لې چاپېلېر قانۇنى» نى ئېلان قىلغان، پادىشاھنىڭ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئاقلىغان، مارس مەيدانىدىكى نامايىشچى ئاممىنى باستۇرغان، شۇنىڭ بىلەن، خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1792-يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنى پارىژ خەلقى ئىككىنچى قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، پادىشاھنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، پادىشاھلىق-ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرەپدارلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىپ، سودا-سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۆتىدىل جۇمھۇرىيەتچىلەر — گىروندېچىلار ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن. 9-ئاينىڭ 21-كۈنى مىللىي ئۇيۇشما چاقىرىپ، ئىككىنچى كۈنى فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان، كېيىن پادىشاھ لۇئى ⅩⅥ نى سوراققا تارتقان ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. گىروندېچىلار فېئودال مۈلۈكچىلىكنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتالمىغان، چەت ئەلنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسىگە قارشىلىق كۆرسىتەلمىگەن، ئاقىۋەت، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋال يامانلىشىپ، پادىشاھ تەرەپدارلىرى تەرەپ-تەرەپتە توپىلاڭ كۆتۈرگەن. 1793-يىل 5-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋە 6-ئاينىڭ 2-كۈنى پارىژ خەلقى ئۈچىنچى قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، گىروندېچىلار ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئوتتۇرا-كىچىك بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىنقىلابىي دېموكراتچىلار — ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرىلىقىنى ئورنىتىپ، ئىنقىلابنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرگەن. ياكوبىنچىلار روبېسپېرنىڭ رەھبەرلىكىدە خەلق ئاممىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىنقىلابنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بىر قاتار تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان؛ «1793-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن»، «يەر قانۇنى»، «مەملىكەتلىك ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى»، «گۇمانلىق جىنايەتچىلەر نىزامى»، «باھانى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش قانۇنى» قاتارلىقلارنى ئېلان قىلغان؛ ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتى، ئامانلىقنى ساقلاش كومىتېتى ۋە ئىنقىلابىي سوتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن؛ ھەربىي، مەدەنىيەت ۋە دىن جەھەتلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن، دۆلەت ئىچىدىكى توپىلاڭنى تېزلىكتە تىنچىتىپ، چەت ئەلنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسىنى تار-مار قىلغان. لېكىن ياكوبىنچىلار «لى چاپېلېر قانۇنى» نى يەنىلا ساقلاپ قېلىپ، ئىشچىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىش ھەققى چېكىنى بەلگىلەپ، يەرنى ھەقسىز تەقسىم قىلىشقا قارشى تۇرغان. شۇنىڭدەك ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئېبېرتچىلار، دانتونچىلارنى باستۇرغان، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئىتتىپاققا بۇرغۇنچىلىق قىلىپ، ئىچكى قىسىمدىكى بىرلىكنى ۋە ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرىلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى ئاجىزلاشتۇرغان.1794-يىل 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئاغدۇرۇلغان. ھاكىمىيەت چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، تومۇز ئېيى پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تىكلەنگەن. فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى كەڭ كۆلەملىك ۋە چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق سىياسىي ئىنقىلاب ۋە ئىجتىمائىي ئىنقىلاب بولۇپ، فرانسىيىنىڭ فېئوداللىق تۈزۈمىنى بىتچىت قىلىپ، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ فېئوداللىققا قارشى كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ ۋاقتى توغرىسىدىكى كۆزقاراشلار بىردەك ئەمەس، ئاساسەن تۆۋەندىكى بىرنەچچە خىل: بەزىلەر 1789-يىلىدىن 1794-يىلىغىچە دەپ قارىسا، بەزىلەر 1789-يىلىدىن 1799-يىلىغىچە دېيىشىدۇ، يەنە بەزىلەر 1789-يىلىدىن 1804-يىلىغىچە ياكى 1789يىلىدىن 1814-يىلىغىچە (ياكى 1815-يىلى) دەپ قارايدۇ.

فرانسىيە بىرىنچى جۇمھۇرىيىتى

  • فرانسىيە بىرىنچى جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:]فرانسىيىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بىرىنچى جۇمھۇرىيەت (1792 - 1804). فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى پادىشاھلىق-ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرەپدارلىرى ھاكىمىيەت تۇتقان. 1791-يىلدىكى ئاساسىي قانۇندا پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى، لۇئى ⅩⅥ نىڭ يەنىلا پادىشاھ بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. 1792-يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى ئىنقىلابتا پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرەپدارلىرى بىلەن بىللە ئاغدۇرۇلغان. 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، مىللىي ئۇيۇشما جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان. بۇ مەزگىلدە سىياسىي كۈرەش كەسكىنلىشىپ گىروندېچىلار ھۆكۈمرانلىقى (1792-يىلى 8-ئايدىن 1793-يىلى 6-ئايغىچە)، ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرىسى (1793-يىلى 6-ئايدىن 1794-يىلى 7-ئايغىچە)، تومۇز ئېيى پارتىيىسى ۋە تەپتىش ھۆكۈمىتى (1794-يىلى 7-ئايدىن 1799-يىلى 11-ئايغىچە) ئىجرائىيە ھۆكۈمىتى (1799-يىلى 11-ئايدىن 1804-يىلى 5-ئايغىچە) دىن ئىبارەت باسقۇچلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن. سىياسىي تۈزۈلمە پەرقى بەكلا چوڭ بولغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «1793-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن»، «1795-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن»، «1799-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن» نى ئېلان قىلغان. 1804-يىل 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ناپولېئون بۇناپارت ئىمپېراتور بولۇپ، بىرىنچى ئىمپېرىيە ئورنىنى باسقان.

فرانسىيە بىرىنچى ئىمپېرىيىسى

  • فرانسىيە بىرىنچى ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:]فرانسىيىنىڭ ناپولېئون Ⅰ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن چاغدىكى پادىشاھلىق ئىستىبداتلىق دۆلەت(4181 - 4081،5181). 1804-يىل 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، سېنات ناپولېئوننى فرانسۇزلارنىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىدىغان كورۇلى دەپ جاكارلاپ، ناپولېئون Ⅰ دەپ ئاتىغان. 12-ئاينىڭ 2-كۈنى رىم پاپاسى پىئۇس Ⅶ پارىژدىكى بۈۋى مەريەم چېركاۋسىدا ناپولېئونغا تاج كىيدۈرۈپ، رەسمىي ئىمپېرىيە تۈزۈمى ئورنىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان. جۇمھۇرىيەتنىڭ سەككىزىنچى يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنىغا ئازراق تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۇنى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئون ئىككىنچى يىلدىكى ئاساسىي قانۇنى دەپ ئاتىغان. ناپولېئون 6-قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، 1814-يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنى بىرىنچى قېتىم تەختتىن چۈشكەن، ئېلبا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن، بوربون سۇلالىسى بىرىنچى قېتىم قايتا تىرىلگەن. 1815-يىل 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ناپولېئون قايتىدىن ئورنىغا چىقىپ، يۈز كۈنلۈك سۇلالىنى قۇرغان. 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋاتېرلودا 7-قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان. 22-كۈنى يەنە بىر قېتىم تەختتىن چۈشۈپ، سانت ھىلېننا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ، بىرىنچى ئىمپېرىيە ئاخىرلاشقان.

فرانسىيە-تۇنىس بىرلەشمە كېلىشىمى

  • فرانسىيە-تۇنىس بىرلەشمە كېلىشىمى[يەشمىسى:]فرانسىيىنىڭ تۇنىسنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىق توغرىسىدىكى دىپلوماتىيە ھۈججىتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شىمالىي ئافرىقىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى كۈنسېرى ئەۋج ئالغان. 1956-يىل 3-ئاينىڭ 20-كۈنى فرانسىيە تۇنىس ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. فرانسىيە تۇنىسنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، 1881-يىلدىكى «باردۇ شەرتنامىسى» نى بىكار قىلغان. تۇنىسنىڭ دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئارمىيىسىنى قۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. 7591 - 6591-يىللىرى ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت، مەمۇرىي ۋە تېخنىكا جەھەتتە بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان. 1958-يىلى فرانسىيە تۇنىستىن ئارمىيىسىنى چېكىندۈرۈش توغرىسىدا (بىزېرتانى ھېسابقا ئالمىغاندا) كېلىشىم ئىمزالىغان.

فرانسىيە-تۇنىس ئۇرۇشى

  • فرانسىيە-تۇنىس ئۇرۇشى[يەشمىسى:] فرانسىيىنىڭ تۇنىسقا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى. فرانسىيە گېرمانىيە، ئەنگلىيىنىڭ سۈكۈت قىلىشى ئارقىسىدا تۇنىستىكى كلاۋمىر قەبىلىسىنىڭ ئالجىرىيىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ، 1881-يىلى 4-ئايدا ئەسكەر چىقىرىپ، ئالجىرىيە ئارقىلىق تۇنىسقا تاجاۋۇز قىلغان. 5-ئاينىڭ 1-كۈنى بىزېرتادىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، تۇنىسنىڭ پايتەختىگە قىستاپ كەلگەن. تۇنىس ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، 5-ئاينىڭ 12-كۈنى «بارتو شەرتنامىسى» گە مەجبۇرىي قول قويغان. شۇنىڭ بىلەن تۇنىس فرانسىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان.

فرانسىيە تۆتىنچى جۇمھۇرىيىتى

  • فرانسىيە تۆتىنچى جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:]فرانسىيە تۆتىنچى جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا بىنائەن قۇرۇلغان بۇرژۇئازىيە جۇمھۇرىيىتى. 1946-يىلى، فاشىست گېرمانىيىسىگە قارشى فرانسىيە پارتىيىلىرى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىنى ئېچىپ، يېڭى ئاساسىي قانۇننى تۈزۈپ چىققان. شۇ يىلى 10-ئايدا، ئاساسىي قانۇن لايىھىسى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋاز قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن كۈچكە ئىگە بولغان ۋە تۆتىنچى جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنى دەپ ئاتالغان. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن كۆپ پارتىيىلەر نۆۋەتلىشىپ بىرلەشمە كابىنېت تەشكىللىگەنلىكتىن سىياسىي ۋەزىيەت مۇقىم بولمىغان، دىپلوماتىيە جەھەتتە ئامېرىكا-پەرەسلىك سىياسەت يۈرگۈزگەن. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ۋيېتنام (1946-يىل)، ئالجىرىيە (1954-يىل) ۋە مىسىر (1956-يىل) غا تاجاۋۇز قىلىش مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشى قوزغاپ، ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان؛ 1954-يىلى ھىندىچىنى ئۇرۇشىنى توختىتىش توغرىسىدىكى «جەنۋە كېلىشىمى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان؛ 1956-يىلى مەراكەش ۋە تۇنىسنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان. 1958-يىل 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئالجىرىيىدە تۇرۇشلۇق فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكە ئارمىيىسى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان، 6-ئايدا دىگولل زۇڭلى بولغان، 9-ئاينىڭ 28-كۈنى گراژدانلارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق يېڭى ئاساسىي قانۇن ماقۇللانغان، شۇنداق قىلىپ، بەشىنچى جۇمھۇرىيەت تۆتىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن.

فرانسىيە جۇمھۇرىيەت كالېندارى

  • فرانسىيە جۇمھۇرىيەت كالېندارى[يەشمىسى:]فرانسىيىنىڭ بىرىنچى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدىكى ئىنقىلاب كالېندارى. كالېندار بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلاش مەقسەت قىلىنغان. 1793-يىل 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، فابرې دېگلانتىننىڭ (Philipp Nazaire Francois Fabre D′ Eglantine، 4971 - 5571) دوكلاتىغا ئاساسەن مىللىي ئۇيۇشمىدا جۇمھۇرىيەت كالېندارىنى خرىستىئان دىنى كالېندارىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ماقۇللانغان. يېڭى مىلادى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان بىرىنچى كۈنى، يەنى 1792-يىل 9-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلانغان. ئادەتتىكى بىر يىل 365 كۈن (تۆت يىلدا بىر قېتىم كەبىسە يىلى بولۇپ، بىر كۈن قوشۇلىدۇ) بولۇپ، ئون ئىككى ئايغا بۆلۈنگەن، ئايلارنىڭ نامى يېڭى نامغا ئۆزگەرتىلىپ، تەرتىپ بويىچە ئۈزۈم ئېيى، تۇمانلىق ئاي، قىراۋ ئېيى (كۈز پەسلى)، قار ئېيى، يامغۇرلۇق ئاي، شامال ئېيى (قىش پەسلى)، بىخ ئېيى، گۈل ئېيى، چوپان ئېيى (ئەتىياز پەسلى)، يىغىم ئېيى، تومۇز ئېيى، مېۋە ئېيى (ياز پەسلى) دەپ ئاتالغان. ھەر ئاي ئوتتۇز كۈن بولۇپ، ئۈچ ئون كۈنگە بۆلۈنگەن. يەكشەنبىنىڭ ئورنىغا ئونىنچى كۈننى دەسسەتكەن. ھەر ئون كۈننىڭ ئونىنچى كۈنى ئارام ئالغان. قېپقالغان 5 كۈنى (كەبىسە يىلى 6 كۈن) يىلنىڭ ئاخىرىغا قويۇلۇپ «يالاڭتۆشلەر كۈنى» دەپ ئاتالغان. جۇمھۇرىيەت كالېندارى 1792-يىل 9-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن 1793-يىل 11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن ئېتىبارەن قوللىنىشقا باشلىغان. 1805-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن كېيىن توختىتىلغان.

فرانسىيە-چېخوسلوۋاكىيە ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى

  • فرانسىيە-چېخوسلوۋاكىيە ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى[يەشمىسى:] فرانسىيە بىلەن چېخوسلوۋاكىيە تۈزگەن شەرتنامە. 1924-يىل 1-ئاينىڭ 25-كۈنى فرانسىيە زۇڭلىسى پوئىنكارې بىلەن چېخوسلوۋاكىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېنېس تەرىپىدىن تۈزۈلگەن. شەرتنامىدە ئىككى تەرەپ «ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدىغان دىپلوماتىك سىياسەت مەسىلىسى» ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مەنپەئەتنى قوغدايدۇ. ئاۋسترىيە گېرمانىيىگە قوشۇلۇپ كەتسە ياكى خابىسبۇرگ سۇلالىسى ۋېنگرىيىدە ھەمدە خوخېنزوللېرن سۇلالىسى گېرمانىيىدە قايتا تىرىلگەندە شەرتنامە تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپ ئورتاق تەدبىر قوللىنىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا ئىككى دۆلەت ئۆزلىرى تۈزگەن دىپلوماتىيە شەرتنامىسىنى بىر-بىرىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. مەزكۇر شەرتنامە فرانسىيە بىلەن چېخوسلوۋاكىيىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان، بۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فرانسىيىنىڭ ياۋروپادا گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1938-يىلى «ميۇنخېن شەرتنامىسى» ئىمزالانغاندىن كېيىن بۇ شەرتنامە كۈچتىن قالغان.

فرانسىيە خەلق فرونتى

  • فرانسىيە خەلق فرونتى[يەشمىسى:] فرانسىيىنىڭ فاشىزمغا قارشى بىرلىك سېپى. بۇ بىرلىك سەپكە كوممۇنىستىك پارتىيە، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ۋە باشقا سول قانات پارتىيە-گۇرۇھلار قاتناشقان. 1935-يىلى 5-ئايدا ئورتاق ھەرىكەت قىلىش كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن قۇرۇلغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەمۇرىي سايلام ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ سايلىمى ئارقىلىق غەلىبە قىلغان ھەمدە 1935-يىل 7-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى نامايىش ۋە يىغىلىشتا ئۆز كۈچىنى نامايان قىلغان. 1936-يىلى 1-ئايدا پروگرامما ئېلان قىلغان. بۇ پروگراممىنىڭ مەزمۇنى: ئىچكى جەھەتتە فاشىستىك تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسىنى تارقىتىۋېتىپ، ھەر ھەپتىدە 40 سائەتلىك ئىش تۈزۈمى ۋە باج ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىش؛ ھەربىي سانائەتنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈش ۋە فرانسىيە بانكىسىنى باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش؛ سىرتقا قارىتا خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كوللېكتىپ بىخەتەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. شۇ يىلى 4 — 5-ئايدا ئاۋام پالاتاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان. 6-ئايدا خەلق فرونتىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنى تەشكىللىگەن. دەسلەپتە بەزى ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغان. لېكىن مونوپول كاپىتالنىڭ بېسىمى ئاستىدا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ۋە رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خەلق سېپى پروگراممىسىغا ئاسىيلىق قىلىپ، ئىچكى جەھەتتە ئوڭ قانات كۈچلەر بىلەن مۇرەسسەلەشكەن، سىرتقا نىسبەتەن ماداراچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزگەن. 1938-يىلى «ميۇنخېن كېلىشىمى» ئىمزالانغاندىن كېيىن ئىچكى قىسىمدا پارچىلىنىش يۈز بەرگەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، خەلق فرونتى ئىسمى بار جىسمى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان.

فرانسىيە خەلق ئىتتىپاقى

  • فرانسىيە خەلق ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] فرانسىيىدىكى تۆتىنچى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدە قۇرۇلغان بۇرژۇئازىيە پارتىيىسى. 1947-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان. دېگولل رەئىس، سۇسىتېللې (Tacques Soustelle، 1912 -) باش سېكرىتارلىققا تەيىنلەنگەن. تۆتىنچى جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنىغا كۈچلۈك قارشى تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، پارلامېنتنىڭ فۇنكسىيىسىنى چەكلەشنى ھەمدە فرانسىيىنىڭ سول قانات كۈچلىرىنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. پارتىيىدىن تاشقىرى بىرلىشىشنى تەرغىپ قىلغان ۋە مىللەتچىلىكنى تەرغىپ قىلغان. 1947-يىلدىكى شەھەر مەمۇرىيىتى سايلىمى ۋە 1951-يىلدىكى پارلامېنت سايلىمىدا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. لېكىن 1953-يىلدىكى شەھەر مەمۇرىيىتى سايلىمىدا يېڭىلىپ، دېگولل ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىنى سوتسىيال جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە يىمىرىلگەن. 1955-يىلغا كەلگەندە تارقىتىلغانلىقى رەسمىي جاكارلانغان.

فرانسىيە رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسى

  • فرانسىيە رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسى[يەشمىسى:] تولۇق ئىسمى رادىكال جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسى. فرانسىيىنىڭ سىياسىي پارتىيىسى. 1901-يىلى فرانسىيىدىكى ھەرقايسى رادىكال سىياسىي گۇرۇھلىرى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن. ئاساسلىق رەھبەرلىرى كېمېنكېئو، خېررىئوت قاتارلىقلار. ئاساسەن شەھەردىكى ئوتتۇرا، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ۋە دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. 1907-يىلى رەسمىي پروگرامما ماقۇللىغان. 1924-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن سول قانات ئىتتىپاق تۈزۈپ، كۆپ قېتىم ھۆكۈمەتكە قاتناشقان. 8391 - 5391-يىللىرى كوممۇنىستىك پارتىيىسى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن خەلق فرونتى تەشكىللىگەن. مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئەزالىرى كۆپ قېتىم كابىنېت تەشكىللەپ، سىرتقا قارىتا ماداراچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ميۇنخېن شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان، گېرمانىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق-كېڭەيمىچىلىكىگە يول قويۇپ، خەلق فرونتىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا فرانسىيە مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، بىر مەھەل پارچىلىنىپ كەتكەن. 1944-يىلى قايتىدىن قۇرۇلغان. كېيىن كۆپ قېتىم كابىنېتقا قاتناشقان ياكى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن، لېكىن تەسىرى ئاجىزلاپ كەتكەن. 60-يىللاردىن باشلاپ ئۈزلۈكسىز تۈردە باشقا پارتىيە-گۇرۇھلار بىلەن ئىتتىپاقلاشقان. 1965-يىلى «دېموكراتلار ۋە سوتسىيالىستلار سول قانات ئىتتىپاقى» غا قاتناشقان. 1971-يىلى ئىچكى قىسىمدا پارچىلىنىش يۈز بەرگەن، ئۇنىڭ ئوڭ قانىتى «دېموكراتىيە مەركىزى» بىلەن ھەمكارلاشقان، سول قانىتى كوممۇنىستىك پارتىيىسى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ھەمدە 1973-يىلى «سول قانات رادىكاللار پائالىيىتى» نى قۇرغان.

فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى

  • فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى[يەشمىسى:] فرانسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدە يۇرېس باشچىلىقىدىكى ئىسلاھاتچىلار پارتىيىسى. 1899-يىلى 6-ئايدا ۋالدېك-رۇسسو ئىچكى كابىنېتتا بىرىنچى قېتىم «مۇستەقىل سوتسىيالىست» مىللېراندنى ئىچكى كابىنېتىغا كىرگۈزۈپ، سودا مىنىستىرلىكى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەكلىپ قىلغان. مىللېراندنىڭ ئىچكى كابىنېتقا كىرىشى فرانسىيىدىكى سوتسىيالىستىك پائالىيەتلەرنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 11-ئايدا پارىژدا ئېچىلغان سوتسىيالىزمچىلار قۇرۇلتىيىدا بىر قىسىم ۋەكىللەر مىللېراندنىڭ ساتقىنلىق ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن؛ يەنە بىر قىسىم ۋەكىللەر مىللېراندنىڭ ئىچكى كابىنېتىغا كىرگەنلىكىنى قوللىغانلىقتىن، كابىنېتقا قاتناشقۇچىلار «مىللېراندچىلار» دەپ ئاتالغان. 1902-يىلى مىللېراندچىلار يۇرېس باشچىلىقىدىكى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان. پارلامېنت كۈرىشىگە بېرىلىپ كېتىپ، سايلام ئارقىلىق ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1904-يىلى يۇرېس تەسىس قىلغان «يومانتى گېزىتى» مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئورگان گېزىتى بولۇپ قالغان. 1905-يىلى 4-ئايدا فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالى فرانسىيە ياچېيكىسى (يەنى فرانسىيە بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇپ تەشكىللەنگەن.

فرانسىيە-سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزئارا ياردەم قىلىش شەرتنامىسى

  • فرانسىيە-سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزئارا ياردەم قىلىش شەرتنامىسى[يەشمىسى:]تولۇق ئاتىلىشى «فرانسىيە-سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزئارا ياردەم قىلىش شەرتنامىسى». 1935-يىل 5-ئاينىڭ 2-كۈنى پارىژدا ئىمزالانغان. 1936-يىل 6-ئاينىڭ 27-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. ئاساسىي مەزمۇنى: سوۋېت ئىتتىپاقى ياكى فرانسىيە ھەرقانداق بىر ياۋروپا دۆلىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندا ئىككى تەرەپ دەرھال كېڭىشىپ بىر بىرىگە ياردەم بېرىش، دېگەندىن ئىبارەت. شەرتنامە ياۋروپانىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان، لېكىن فرانسىيە ھۆكۈمرانلىق گۇرۇھى ئەنگلىيىگە ماسلىشىپ مۇرەسسەچىلىك سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكتىن تېگىشلىك رولىنى جارى قىلالمىغان.

فرانسىيە سېنتەبر ئىنقىلابى

  • فرانسىيە سېنتەبر ئىنقىلابى[يەشمىسى:] پارىژ خەلقىنىڭ ئىككىنچى ئىمپېرىيىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى. 1870-يىلى 7-ئايدا پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، فرانسىيە ئارمىيىسى كەينى-كەينىدىن پاجىئەلىك ھالدا مەغلۇپ بولغان. 9-ئاينىڭ 1-كۈنى سېدان دېگەن جايدىكى جەڭدە فرانسىيە ئارمىيىسى يېڭىلگەن، ئىككىنچى كۈنى تەسلىم بولغان. ناپولېئون Ⅲ ئەسىرگە چۈشكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان پارىژ خەلقى قاتتىق غەزەپلەنگەن، 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىنقىلاب پارتلاپ ئون مىڭلىغان ئامما كوچىغا چىقىپ، قانۇن تۇرغۇزۇش ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جاي — بوربون ئوردىسىنى قورشىۋالغان. خەلقنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئارقىسىدا جۇمھۇرىيەتچىلەردىن گامبېتتا قاتارلىق كىشىلەر ئىمپېرىيە تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان ھەمدە شەھەر مەمۇرىيىتى زالىدا جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇرژۇئازىيە غالىبىيەت مېۋىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان.

فرانسىيە-سىيام مەنگۇ شەرتنامىسى

  • فرانسىيە-سىيام مەنگۇ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] 1893-يىل 10-ئاينىڭ 3-كۈنى فرانسىيە ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ مەنگۇنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، سىيام (ھازىرقى تايلاند) پادىشاھى راما Ⅴ نى شەرتنامە تۈزۈشكە مەجبۇرلىغان. مەزمۇنى: (1) سىيام مىكونگ دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىكى جايلارنى فرانسىيىگە كېسىپ بېرىش (تەخمىنەن 145 مىڭ كۋادرات كىلومېتر)؛ (2) فرانسىيىگە ھەربىي خىراجەت تەرىقىسىدە 3 مىليون فرانك تۆلەش؛ (3) باتتامباڭ، سېم رېئاپ قاتارلىق ئىككى ئۆلكە (ھازىرقى كامبودژىغا تەۋە) شۇنىڭدەك ۋىگۇڭ دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى 25 كىلومېتر دائىرىنى بىتەرەپ رايون قىلىپ ئايرىش، لېكىن سىيام بۇ رايونغا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ، مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى قۇرماسلىق؛ (4) فرانسىيە ناكون سىتاممارات شەھىرىدە ئەسكەر تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت. شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى فرانسىيىنىڭ شەرقىي ھىندىچىنىدىكى مۇستەملىكە كۆلىمىنى كېڭەيتكەن.

فرانسىيە فېدېراتسىيىسى

  • فرانسىيە فېدېراتسىيىسى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇستەملىكە خەلقلىرىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى كۈرىشى كۈنسايىن ئۇلغىيىۋاتقان ۋەزىيەت ئاستىدا قۇرۇلغان. 1946-يىلى تۆتىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا بىنائەن ئەسلىدىكى فرانسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئورنىغا دەسسەپ، فرانسىيىگە قاراشلىق مۇستەملىكە، ۋەكالىتەن باشقۇرۇلىدىغان جاي ۋە ھامىيلىقتىكى دۆلەت دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىغان. يەنى (1) چەت ئەللەردىكى ئۆلكىلەر (ماتىنىك، گۋادلوپو، فرانسىيىگە قاراشلىق گۋىئانا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛ (2) چەت ئەللەردىكى زېمىن (فرانسىيىگە قاراشلىق غەربىي ئافرىقا، فرانسىيىگە قاراشلىق ئىكۋاتور ئافرىقىسى، ماداغاسقار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛ (3) بىرلەشتۈرۈلگەن زېمىنلار (توگو، كامىرون) ۋە قاتناشقان دۆلەت (ھىندىچىنى، ماراكەش، تۇنىس قاتارلىقلار). فېدېراتىپتا ئالىي كومىتېت ۋە پارلامېنت تەسىس قىلغان، فېدېراتىپ زۇڭتۇڭلۇقىنى فرانسىيە زۇڭتۇڭى ئۆتىگەن. فرانسىيە ھۆكۈمىتى فېدېراتىپ شەكلى بىلەن كونا مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغان، لېكىن مۇستەملىكە خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى ئاستىدا قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان. 1958-يىلى 9-ئايدا فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن.

فرانسىيە فېۋرال ئىنقىلابى

  • فرانسىيە فېۋرال ئىنقىلابى[يەشمىسى:] فرانسىيىنىڭ 1848-يىلدىكى ئىيۇل سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئىنقىلاب. ئىيۇل سۇلالىسى مەزگىلىدە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى قاتلامدىكىلەر ھۆكۈمران گۇرۇھىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن، 1845 - 1846-يىللىرى يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇل كېمىيىپ كەتكەن ۋە 1847-يىلى كۆرۈلگەن ئىقتىسادىي بوھران جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن. ئەسلى 1848-يىل 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان زىياپەتنىڭ مەنئى قىلىنىشى ئىنقىلابنىڭ پىلتىسى بولغان. 22-كۈنىدىكى پارىژ ئاممىسىنىڭ نامايىشى قوزغىلاڭغا تەرەققىي قىلغان. 24-كۈنى قوزغىلاڭچىلار ئوردىغا باستۇرۇپ كىرگەن، پادىشاھ لۇئى فىلىپ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، لامارتىن باشچىلىقىدىكى 11 باشلىق ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى تەشكىللىگەن. 25-كۈنى جۇمھۇرىيەت، يەنى فرانسىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. بۇ قېتىمقى بۇرژۇئازىيىنىڭ دېموكراتىك خاراكتېرىدىكى ئىنقىلابى ۋاقتىنچە غەلىبە قىلغان.

فرانسىيە قارا دېڭىز فلوتىنىڭ قوزغىلىڭى

  • فرانسىيە قارا دېڭىز فلوتىنىڭ قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ روسىيىگە قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزۈشىگە قارشى قوزغىلىڭى. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلىبىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا 1919-يىلى 2-ئايدا تىراسىپول ۋە خېرىسوندا تۇرۇشلۇق فرانسۇز قوشۇنلىرى سوۋېت روسىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى رەت قىلغان. 3-ئايدا ئودىسسا ۋە قىرىم رايونىغا ئەۋەتىلگەن فرانسۇز ئەسكەرلىرى سوۋېت گېزىتلىرىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، روسىيە ئىنقىلابىي كۈرىشىنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلغان.4-ئاينىڭ 16-كۈنى قارا دېڭىزدا توختىغان فرانسىيە ھەربىي پاراخوتىدىكى ماتروسلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، قوراللىق مۇداخىلىگە قارشى تۇرغان. ئىككىنچى كۈنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەربىي پاراخوتتىكى كومىسسارىيات ئەزالىرىنى قولغا ئالغان، لېكىن قوزغىلاڭ توختاپ قالمىغان. 20-كۈنى سىۋاستوپولدا توختىغان «فرانسىيە» ۋە «ران. بار» ناملىق ھەربىي پاراخوت قىزىل بايراق چىقىرىپ، فرانسىيىگە قايتىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان. قوزغىلاڭ قارا دېڭىزدىكى فرانسىيىنىڭ باشقا پاراخوتلىرىغىچە يېتىپ، فرانسىيە ھۆكۈمىتىنى يول قويۇشقا مەجبۇر قىلغان. 5-ئاينىڭ 1-كۈنى فرانسىيە قارا دېڭىزدىكى بارلىق پاراخوتلىرىنى چېكىندۈرۈپ كەتكەن.

فرانسىيە قارشىلىق ھەرىكىتى

  • فرانسىيە قارشىلىق ھەرىكىتى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرى فرانسىيىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى. 1940-يىلى 6-ئايدا دېگولل لوندوندا قاچاق ھۆكۈمەت «ئەركىن فرانسىيە» نى قۇرغان، ئىككىنچى يىلى 9-ئايدا فرانسىيە مىللىي كومىتېتى قۇرۇلۇپ، فرانسىيىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگلىيە ۋە سابىق فرانسىيىگە قارام مۇستەملىكە خەلقلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، كۈچ جەھەتتە كۈنسايىن زورايغان. مەملىكەت ئىچىدە فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى «مىللىي فرونت» ۋە باشقا قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇپ، ئىش تاشلاش ۋە پارتىزانلىق ئۇرۇشى قانات يايدۇرۇلغان. 1943-يىلى 5-ئايدا، مەملىكەت ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پارتىيىلەر بىرلىشىپ «مەملىكەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىش كومىتېتى» تەشكىللىگەن. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئالجىرىيىدە «فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتى» قۇرۇلغان، بۇنىڭغا مەملىكەت ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان ھەمدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. ئىككىنچى يىلى6-ئايدا نامى فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئىتتىپاقداش ئارمىيە نورماندىيە ئارقىلىق قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قوماندانلىقىدىكى مۇنتىزىم ئارمىيە بىلەن مەملىكەتتىكى پارتىزانلار زىچ ماسلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى قايتۇرۇۋالغان.

فرانسىيە تىرىلىش سۇلالىسى

  • فرانسىيە تىرىلىش سۇلالىسى[يەشمىسى:] يەنى «قايتا تىرىلگەن بوربون سۇلالىسى»

فرانسىيە-گېرمانىيە خىتابنامىسى

  • فرانسىيە-گېرمانىيە خىتابنامىسى[يەشمىسى:] فرانسىيە دالادېر ھۆكۈمىتى بىلەن فاشىستلار گېرمانىيىسى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق خىتابنامىسى. 1938-يىل 12-ئاينىڭ 6-كۈنى پارىژدا ئىمزالانغان. خىتابنامىدە، ئىككى دۆلەت «تىنچلىق ۋە ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالىدۇ»، «ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى چېگرىسى يەنىلا بەلگىلەنگەن چېگرا» ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنىدۇ ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتكە ئالاقىدار بولغان بارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، دېيىلگەن. بۇ «ئەنگلىيە-گېرمانىيە خىتابنامىسى» نىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ئىمزالانغان. 1940-يىلى 5-ئايدا گېرمانىيە خىتابنامىگە ئاسىيلىق قىلىپ، فرانسىيىگە تاجاۋۇز قىلغان.

فرانسىيە-گېرمانىيە ھەمكارلىق شەرتنامىسى

  • فرانسىيە-گېرمانىيە ھەمكارلىق شەرتنامىسى[يەشمىسى:] فرانسىيە بىلەن فېدېراتىپ گېرمانىيىسى ئىمزالىغان شەرتنامە. 1963-يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنى فرانسىيە زۇڭتۇڭى دېگولل بىلەن فېدېراتىپ گېرمانىيىسىنىڭ باش مىنىستىرى ئادېنائۇئىر پارىژدا ئىمزالىغان. شەرتنامىدە: دىپلوماتىيە ئىشلىرى، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي سىياسەت جەھەتلىرىدە بىردەك بولۇشقا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە باش شتاب باشلىقلىرى قەرەللىك ھالدا مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش؛ ئىككى دۆلەت ئارمىيىسى زىچ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق ستراتېگىيە ۋە تاكتىكا تۈزۈپ چىقىش، ئورتاق ھالدا قورال-ياراق ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىش بەلگىلەنگەن. مەزكۇر شەرتنامە فرانسىيە بىلەن فېدېراتىپ گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە مۇناسىۋەتنى بېكىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كاپىتالىزم دۇنياسى ۋە خەلقئارا سەھنىدىكى ئورنىنى كۈچەيتكەن.

فرانسىيە-كامبودژا ھامىيلىق شەرتنامىسى

  • فرانسىيە-كامبودژا ھامىيلىق شەرتنامىسى[يەشمىسى:] 1863-يىل 8-ئاينىڭ 11-كۈنى فرانسىيە بىلەن كامبودژا ئىمزالىغان شەرتنامە. ئاساسلىق مەزمۇنى: فرانسىيە كامبودژاغا ھامىيلىق قىلىدۇ، فرانسىيە بىر نەپەر فرانسىيىلىك ئەمەلدارنى كونسۇللۇققا تەيىنلەپ، كامبودژانىڭ پادىشاھ ئوردىسىدا تۇرغۇزىدۇ، ئۇ سايگون باش ۋالىيسىغا بويسۇنىدۇ؛ باشقا دۆلەتلەر ئەگەر كامبودژاغا كونسۇل ئەۋەتمەكچى بولسا، جەزمەن فرانسىيە-كامبودژا ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتۈشى كېرەك؛ ئەگەر سودىگەرلەر سايگون دائىرىلىرىنىڭ پاسپورتىغا ئىگە بولسا، چەت ئەلدىن كامبودژاغا مال ئەكەلگەندە ئۇلاردىن تاموژنا بېجى ئېلىنمايدۇ دېگەنلەردىن ئىبارەت. بۇ شەرتنامە كامبودژانى فرانسىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان.

فرانسىيە-ماداغاسقار ئۇرۇشى

  • فرانسىيە-ماداغاسقار ئۇرۇشى[يەشمىسى:] فرانسىيە ماداغاسقارغا تاجاۋۇز قىلغان مۇستەملىكە ئۇرۇشى. جەمئىي ئىككى قېتىم بولغان. (1) 1883-يىلى 6-ئايدا فرانسىيە ماداغاسقارغا ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، جەنۇبىي كەڭلىك 61° نىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى بۆلۈپ بېرىشنى ھەمدە بۇ رايوننىڭ تاشقى سىياسىتى فرانسىيىنىڭ قولىدا بولۇشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن بۇ تەلەپ ماداغاسقار ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن، فرانسىيە ئارمىيىسى دەرھال ماداغاسقار پورتىنى توپقا تۇتۇپ، بىر قىسىم رايونلارنى ئىشغال قىلغان. 1885-يىلى 9-ئايدا ئىككى تەرەپ ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان ھەل قىلغۇچ جەڭدە، فرانسىيە ئارمىيىسى تارمار قىلىنغان. شۇ يىلى 12-ئايدا سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالانغان. فرانسىيە دېگې-سوۋالىس بازىسىنى ساقلاپ قالغان ۋە تاشقى ئىشلارغا «مەسئۇل» بولغان. (2) 1894-يىلى فرانسىيە يەنە ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، ماداغاسقارنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى ھەمدە پايتەختتە ئەسكەر تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلغان. ئىككىنچى يىلى 2-ئايدا يەنە ئۇرۇش پارتلىغان. 9-ئايدا پايتەخت تانانارىۋېنى ئىشغال قىلغان. 10-ئايدا ھامىيلىق شەرتنامىسى ئىمزالانغان، ئاخىر ماداغاسقار فرانسىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان. 1896-يىل 8-ئاينىڭ 6-كۈنى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى دەپ ئېلان قىلىنغان.

فرانسىيە-ماراكەش بىرلەشمە باياناتى

  • فرانسىيە-ماراكەش بىرلەشمە باياناتى[يەشمىسى:] فرانسىيىنىڭ ماراكەشنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان دىپلوماتىك ھۈججەت. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ماراكەشنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتى كۈندىن-كۈنگە ئۇلغايغان. 1956-يىل 3-ئاينىڭ 2-كۈنى فرانسىيە-ماراكەش ئىككى دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان. 1912-يىلدىكى ماراكەشكە قارىتا ھامىيلىق قىلىش توغرىسىدىكى شەرتنامىنىڭ كۈچتىن قالغانلىقى جاكارلىنىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئىككى تەرەپنىڭ بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىشى تەكلىپ قىلىنغان. ئۆتكۈنچى مەزگىلدە فرانسىيە ماراكەشتە قوشۇن تۇرغۇزۇش ھەمدە ئۆزىنىڭ مۇھاجىرلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ۋالىي تەيىنلەش، فرانسىيىنىڭ ماراكەشتىكى ئەمەلدارى تۈرلۈك كاپالەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش بەلگىلەنگەن. 7591 - 6591-يىللىرى ئىككى دۆلەت كۆپ جەھەتلەردە ھەمكارلىشىش شەرتنامىسى تۈزگەن.

فرانسىيە-ماراكەش ئۇرۇشى

  • فرانسىيە-ماراكەش ئۇرۇشى[يەشمىسى:] فرانسىيىنىڭ ماراكەشكە قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى. بۇ ئۇرۇش ئىككى قېتىم يۈز بەرگەن: (1) 1844-يىلى 8-ئايدا، فرانسىيە ئالجىرىيىنىڭ فرانسىيىگە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ داھىيسى ئابدۇقادىر-نىڭ ماراكەشكە قېچىپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ ئۇرۇش قوزغىغان. دېڭىز ئارمىيىسى تانگېرنى توپقا تۇتقان ۋە موگادور (Mogador) دا قۇرۇقلۇققا چىققان؛ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ماراكەشنىڭ شەرقىي قىسمىغا تاجاۋۇز قىلغان. ئىسلي (Isly) دەرياسىدىكى جەڭدە ماراكەش ئارمىيىسى يېڭىلگەن. 9-ئايدا «تانگېر شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، ماراكەشنىڭ «ھەر خىل شەكىل ئارقىلىق فرانسىيىنىڭ ھەرقانداق دۈشمىنىگە ياردەم بېرىشكە بولمايدىغان» لىقى، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ موگادور ۋە ئوجدا (Oujda) دىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. (2) 1907-يىلى 3-ئايدا، فرانسىيە ئارمىيىسى فرانسىيە دوختۇرى ئۆلتۈرۈلگەن، دېگەننى باھانە قىلىپ ئۇجدانى بېسىۋالغان؛ 8-ئاينىڭ 1-كۈنى يەنە يەتتە نەپەر فرانسىيە ئىشچىسى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ، كاسابلانكانى ئىشغال قىلىپ، چائۇيا (Chaouia) رايونىغا تاجاۋۇز قىلغان. ماراكەش سۇلتانلىقى مۇرەسسە قىلىپ يول قويغانلىقى ئۈچۈن خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1911-يىلى تاغلىق رايوندىكى قەبىلىلەر سۇلتاننىڭ ۋەتەن ساتقۇچ سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ۋە فېز شەھىرىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلغان. سۇلتان فرانسىيىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان، شۇنداق قىلىپ، 30 مىڭ كىشىلىك فرانسىيە ئارمىيىسى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي فېز ۋە باشقا شەھەرلەرنى بېسىۋالغان. 1912-يىلى «فېز شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ، ماراكەش فرانسىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت بولۇپ قالغان.

فرانسىيە «ماي» بورىنى

  • فرانسىيە «ماي» بورىنى[يەشمىسى:] فرانسىيە ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشى. ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1968-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرى مائارىپ تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى پارتلاپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىشچىلار 24 سائەتلىك ياردەم بېرىش خاراكتېرلىك ئىش تاشلىغان. كېيىن ئاستا-ئاستا كەڭ دائىرىلىك ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە ئۆزگىرىپ، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش، خىزمەت كۈنىنى قىسقارتىش ۋە خىزمەتكە ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. قىسمەن رايونلاردىكى ئىش تاشلىغانلار كارخانا ۋە ئىدارىلەرنى ئىگىلىگەن. 5-ئاينىڭ 20-كۈنىگە كەلگەندە ئىش تاشلاش پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك ئومۇمىي ئىش تاشلاشقا تەرەققىي قىلىپ، قاتناشقۇچىلار تەخمىنەن 9 مىليونغا يەتكەن. كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاش ئارقىسىدا ھۆكۈمەت ۋە كارخانا ئىگىلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ، 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىشچىلار ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرگە ئاساسىي جەھەتتىن قوشۇلغان. بۇ قېتىمقى ئىش تاشلاش ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى كۆلىمى زور ئىش تاشلاش كۈرىشى بولۇپ، دېگوللنىڭ ئىككىنچى يىلى4-ئايدا تەختتىن چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتى

  • فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى فرانسىيىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى. 1943-يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئالجىرىيىدە قۇرۇلغان. دەسلەپ دېگولل ۋە گىرائود رەئىسلىككە تەيىنلەنگەن. 11-ئايدىن باشلاپ دېگولل رەئىس بولغان. فاشىستىك دۆلەتلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، فرانسىيىنىڭ پۈتكۈل تېررىتورىيىسىنى ئازاد قىلىش ھەمدە فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى جاكارلىغان. 8-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئېتىراپ قىلغان. مەملىكەت ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى تەشكىلاتلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قاتناشقان. 1944-يىل 6-ئاينىڭ 2-كۈنى نامى فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى

  • فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى[يەشمىسى:] ئەسلى فرانسىيە بىلەن ئۇنىڭ ئافرىقىدىكى مۇستەملىكىلىرىدىن تەشكىل تاپقان «فرانسىيە ئىتتىپاقى». 1958-يىلى 9-ئايدا فرانسىيە تۈزگەن بەشىنچى جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنىدا «فرانسىيە ئىتتىپاقى» نى «فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى» دەپ ئۆزگەرتىشنى، شۇنىڭدەك ئورتاق گەۋدىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. ئورتاق گەۋدىدە ئىجرائىيە كومىتېت، كېڭەش پالاتاسى ۋە كېسىم سوتى تەسىس قىلغان. ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقى ۋە قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن، لېكىن دۆلەت مۇداپىئەسى، دىپلوماتىيە قاتارلىق ئاساسلىق ھوقۇقلار فرانسىيە زۇڭتۇڭى ۋە ھەرقايسى مىنىستىرلارنىڭ ئىلكىدە بولغان. 1960-يىلى ئاساسىي قانۇننىڭ تولۇقلىما ماددىلىرىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورتاق گەۋدە ئەزالىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولسا بولىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك داۋاملىق ھالدا ئورتاق گەۋدىدە تۇرۇۋېرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. 1958-يىلى گۋېنىيە مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان، 1960-يىلدىن كېيىن ئورتاق گەۋدىگە ئەزا كۆپلىگەن دۆلەتلەر مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئورتاق گەۋدىدىن چىقىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن فرانسىيە بۇ دۆلەتلەر بىلەن خېلى قويۇق بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغان.

فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيىتى

  • فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:] فرانسىيە تارىخىدىكى ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەت (0491 - 0781) ئىككىنچى ئىمپېرىيە 1870-يىلى پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىدا گۇمران بولغان. 9-ئاينىڭ 4-كۈنى پارىژ ئىنقىلابى پارتلاپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. كېيىن پادىشاھ تەرەپدارلىرى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر ئاچقان مىللىي پارلامېنتنىڭ ئىچكى قىسمىدا كەسكىن كۈرەش بولغان. 1875-يىلى مىللىي پارلامېنت بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن قانۇن لايىھىسى ماقۇللاپ، ۋاسىتىلىك ھالدا جۇمھۇرىيەتنى ئېتىراپ قىلغان. ئارقىدىنلا كەينى-كەينىدىن بىر قاتار قانۇنلارنى ئېلان قىلىپ، ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى تىكلىگەن. 1884-يىلى ئاساسىي قانۇننى تولۇقلاش لايىھىسى ماقۇللىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ جۇمھۇرىيەت شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. لېكىن كورۇل تەرەپدارلىرى داۋاملىق ھالدا قايتا تىرىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ،1889-يىلىدىكى بۇلانگېر ۋەقەسى ۋە 9981-4981-يىللىرىدىكى درېيفۇس ئەنزىسىنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىغان. 1940-يىلى 5-ئايدا فاشىستلار گېرمانىيىسى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلغان، 6-ئاينىڭ 22-كۈنى فرانسىيە تەسلىم بولغان، فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيىتى ئاياغلاشقان.

فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى

  • فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:] يەنى «فرانسىيىنىڭ 1875-يىلدىكى ئاساسىي قانۇنى».

فرانسىيە-ۋيېتنام ئۇرۇشى

  • فرانسىيە-ۋيېتنام ئۇرۇشى[يەشمىسى:] فرانسىيىنىڭ ۋيېتنامنى ئۆز مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇش يولىدىكى بىر قاتار تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى. 2681 - 8581-يىللىرى فرانسىيە مىسسىئونېرلىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى، دېگەننى باھانە قىلىپ، ئىسپانىيە بىلەن بىرلىشىپ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان. ۋيېتنام رۇەنشى سۇلالىسىنى بىرىنچى قېتىملىق «سايگون شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلىغان. نەنچىننىڭ شەرقىدىكى بيەنخې، جيادىڭ ۋە دىڭشياڭ قاتارلىق ئۈچ ئۆلكە ۋە كۈنلۈن ئارىلى فرانسىيىگە بۆلۈپ بېرىلگەن؛ ئارقىدىنلا يەنە نەنچىننىڭ غەربىدىكى ئۈچ ئۆلكىگە تاجاۋۇز قىلغان. 1873-يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى بىرىنچى قېتىم بېيچىنگە تاجاۋۇز قىلىپ، خانۇينى بېسىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن، ۋيېتنام ئارمىيە-خەلقى ۋە جۇڭگونىڭ مۇساپىر بولۇپ ۋيېتنامغا كەلگەن قارا تۇغلۇق قوشۇنىنىڭ بىرلەشمە قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1874-يىلى ۋيېتنام ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇپ، دۆلەتكە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان ئىككىنچى قېتىملىق «سايگون شەرتنامىسى» نى تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. 1882-يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى يەنە بېيچىنگە تاجاۋۇز قىلىپ، قارشىلىققا ئۇچرىغان ۋە فرانسىيە قوماندانى رىۋېرې قارا تۇغلۇق قوشۇن تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئىككىنچى يىلى شۇنخۇاغا ھۇجۇم قىلىپ، يۈەن سۇلالىسىنى بىرىنچى قېتىملىق «شۇنخۇا شەرتنامىسى» نى تۈزۈشكە مەجبۇرلىغان. فرانسىيە داۋاملىق تۈردە شىمالغا تاجاۋۇز قىلىپ، جۇڭگو-فرانسىيە ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1884-يىلى 6-ئايدا ۋيېتنامنى ئىككىنچى قېتىملىق «شۇنخۇا شەرتنامىسى» نى تۈزۈشكە مەجبۇرلىغان، ۋيېتنام شۇنىڭدىن تارتىپ فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان.

فرانسىيە-ئىتالىيە ۋە رىم كېلىشىمى

  • فرانسىيە-ئىتالىيە ۋە رىم كېلىشىمى[يەشمىسى:] يەنى «لاۋال-مۇسسولىن كېلىشىمى».

فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسى

  • فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسى[يەشمىسى:] فرانسىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي پارتىيىسى. گېسدې ۋە لافارگې رەھبەرلىك قىلغان. 1880-يىلى 11-ئايدا لېخاۋرې ئىشچىلار قۇرۇلتىيىدا رەسمىي قۇرۇلغان ھەمدە ماركسنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تۈزۈلگەن پارتىيە پروگراممىسى (يەنى «لېخاۋرې پروگراممىسى») ماقۇللانغان. 1882-يىلى گېسدېچىلار بىلەن مۇمكىنچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش پارتىيىنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولغان، شۇنىڭدىن كېيىن گېسدېچىلار ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ نامىنى ساقلاپ قالغان. مۇمكىنچىلەر بولسا سوتسىيالىزمچى ئىشچىلار ئىتتىپاقىنى تەشكىللىگەن. ئىشچىلار پارتىيىسى فرانسىيىدە ماركسىزمنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلغان، لېكىن پارلامېنت كۈرىشىگە بەكلا بېرىلىپ كەتكەن، بۇلاڭئېر ۋە دىرېيفۇس ۋەقەسىدە ئارىلاشماسلىقتەك خاتا مەيدان قوللانغان. 1901-يىلى لېئون قۇرۇلتىيىدا يۇرېس باشچىلىقىدىكى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن گېسدېچىلار ھەم بلانكىچىلارنىڭ ئىنقىلابىي سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن تەشكىللەنگەن فرانسىيە سوتسىيار پارتىيىسىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.

فرانسىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتى

  • فرانسىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:] فرانسىيىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت (1848 - 1852). 1848-يىلىدىكى فېۋرال ئىنقىلابى ئىيۇل سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن لامارتىنې باشچىلىقىدىكى 11 كىشىلىك ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت 2-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېچىلغان ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىدا بەش كىشىلىك ئىجرائىيە كومىتېت قۇرۇلغان. ئىيۇن قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، كاۋايگىناك (Cavaignac) فرانسىيىنىڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرىي ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن. 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئېلان قىلغان. 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭ سايلىمىدا لۇئى ناپولېئون بوناپارت زۇڭتۇڭ بولغان. 1851-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى لۇئى بوناپارت سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان، ئىككىنچى يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى كورۇل بولۇپ، ناپولېئون Ⅲ دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئورنىنى ئىككىنچى ئىمپېرىيە ئىگىلىگەن.

فرانسىيە ئىككىنچى ئىمپېرىيىسى

  • فرانسىيە ئىككىنچى ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:] فرانسىيىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئىككىنچى ئىمپېرىيە (1852 — 1870). ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ زۇڭتۇڭى لۇئى ناپولېئون بوناپارت 1851-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغاندىن كېيىن ئىككىنچى يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆزىنى پادىشاھ ۋە ناپولېئونⅢ دەپ ئاتاپ، فرانسىيە ئىككىنچى ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. ناپولېئون Ⅲ تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىستىبداتلىق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن، كېيىنكى مەزگىللىرى لىبېرالىزملىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قوللانغان. غەرب تارىخچىلىرى شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ، ئىككىنچى ئىمپېرىيىنى ئىككى باسقۇچقا بۆلگەن. ئالدىنقى مەزگىلى (1852 — 1859) «ھاكىممۇتلەق ئىمپېرىيە دەۋرى» دەپ ئاتىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىق يولغا قويۇلۇپ، گراژدانلارنىڭ ئومۇمىي سايلام ھوقۇقى ۋە خەلق سايلىمىنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش تەشكىلاتلىرى قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىپ،چوڭ ھوقۇق پادىشاھنىڭلا چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغان؛ ئىقتىسادىي جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى قوللىنىپ، بانكىلارنى كېڭەيتىپ تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانال، تۆمۈريول ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەن؛ دىپلوماتىيە جەھەتتە تىنچلىق ۋە مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى كۆز-كۆز قىلغان. لېكىن ئەمەلىيەتتە بولسا، ناپولېئونچە «شان-شۆھرەت» نى قازىنىشنى ئىستەپ، روسىيىگە قارشى قىرىم ئۇرۇشى (1853 — 1856) ۋە ئاۋسترىيىگە قارشى ئىتالىيە ئۇرۇشىغا (1859) قاتناشقان. كېيىنكى مەزگىلى (1860 — 1870) «ئەركىن ئىمپېرىيە مەزگىلى» دەپ ئاتالغان. دۆلەت ئىچىدە، نارازىلىق كەيپىيات كۈچىيىپ كەتكەنلىكتىن، 1860-يىلدىن باشلاپ بىرقانچە تۈرلۈك لىبېرالىزملىق ئىسلاھات تەدبىرىنى يۈرگۈزۈپ، قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتىنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، پۇقرالار ئەركىنلىكىگە بولغان بېسىمنى بوشاتقان؛ ئەنگلىيە بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزگەن(1860). سۇۋەيىش قانىلىنى قازغان (1859 — 1869)، ئالجىرىيە قوزغىلىڭىنى باستۇرغان (1861 — 1866). مېكسىكىغا ھەربىي مۇداخىلە يۈرگۈزگەن (1862 — 1867). جۇڭگو (1856 — 1860) ۋە ھىندۇنېزىيىگە(1856 — 1863)بولغان مۇستەملىكە تاجاۋۇزچىلىقىنى جىددىيلەشتۈرگەن. 1866-يىلدىكى پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن پرۇسسىيە بىلەن دۈشمەنلىشىپ قالغان، 1870-يىلى ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، 7-ئاينىڭ 19-كۈنى پرۇسسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. سېدان قوشۇنى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن 9-ئاينىڭ 4-كۈنى پارىژ ئىنقىلابى پارتلاپ، ئىككىنچى ئىمپېرىيە گۇمران بولغان.

فرانسىيىگە قارام سۇمالى

  • فرانسىيىگە قارام سۇمالى[يەشمىسى:] سۇمالى دېڭىز بويلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جىبوتىنىڭ فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان چاغدىكى ئاتىلىشى. 1838-يىلى فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى دېڭىز بويىدىكى داناكىل (ئېفىئوپىيىدە) رايونىغا بېسىپ كىرگەن. 1859-يىلى تاجۇرا قولتۇقىدىكى ئوبوسك(obock) پورتىغا تاجاۋۇز قىلغان. 1862-يىلى فرانسىيە داناكىل رايونىنىڭ باشلىقى بىلەن ئىجارە بېرىش شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئوبوسك ۋە بىل تۇمشۇقىدىن تارتىپ دۇمەيلاغىچە بولغان دېڭىز بويىدىكى پۈتكۈل جايلارغا ئىگە بولغان. 1888-يىلى يەنە يېڭى شەرتنامە ئىمزالاپ، تاجۇرا ۋە گائۇباتى سۇلتانلىقى ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرغان، ئۇزۇن ئۆتمەي گوبات-خارابو، ئامۇبا ۋە جىبوتى رايونلىرىنى قوشۇۋېلىپ، فرانسىيىگە قارام سۇمالىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ۋە جىبوتىنى پايتەخت قىلغان. 1967-يىلى دومىنىئونلۇق ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئىسمى «فرانسىيىگە قارام ئافار ۋە يىسا تېررىتورىيىسى» گە ئۆزگەرتىلگەن. 1977-يىل 6-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ، جىبوتى جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.

فرانسىيىگە قارام غەربىي ئافرىقا

  • فرانسىيىگە قارام غەربىي ئافرىقا[يەشمىسى:] فرانسىيىگە قارام غەربىي ئافرىقا مۇستەملىكىسىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى فرانسىيە دېڭىز بويىدىكى رايونلاردىن ئىچكى قۇرۇقلۇققا كېڭەيمىچىلىك يۈرگۈزگەن. 1895-يىلغا كەلگەندە فرانسىيە ئىشغال قىلىۋالغان سېنېگال، فرانسىيىگە تەۋە سۇدان (ھازىرقى مالى)، گۋېنىيە (ھازىرقى گۋېنىيە جۇمھۇرىيىتى)، پىل چىش قىرغىقى قاتارلىقلارنى قوشۇپ فرانسىيىگە تەۋە غەربىي ئافرىقا مۇستەملىكىسى قىلغان. 1904-يىلى داھومېي (ھازىرقى بېنىن) نى؛ 1909-يىلى يۇقىرى ۋولتنى قوشۇۋالغان؛ 1912-يىلى ماۋرىتانىيە فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان، 1920-يىلى فرانسىيىگە تەۋە غەربىي ئافرىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. 1917-يىلى توگونىڭ شەرقىي قىسمى فرانسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىغان جايغا ئايلىنىپ قالغان، 1932-يىلى فرانسىيىگە تەۋە غەربىي ئافرىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. فرانسىيە داكاردا تۇرۇشلۇق مەخسۇس خادىم تەسىس قىلىپ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. 1957-يىلى فرانسىيە پارلامېنتى چەت ئەلدىكى زېمىنلىرى توغرىسىدا «تۈپ قانۇن» نى ماقۇللاپ، فرانسىيىگە تەۋە غەربىي ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا «يېرىم ئاپتونومىيىلىك جۇمھۇرىيەت» لەرگە ئۆزگەرتىپ، ئۇ يەرلەردە پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت كومىتېتى تەسىس قىلغان، لېكىن فرانسىيىنىڭ مەخسۇس خادىملىرى يەنىلا ئەمەلىي ھوقۇقنى تۇتۇپ تۇرغان. 1956-يىلى توگودا ئاپتونومىيىلى جۇمھۇرىيەت قۇرغان. 1958-يىلى 10-ئايدا گۋېنىيە مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان، غەربىي ئافرىقىدىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى ئىچىدىكى ئاپتونومىيىلىك جۇمھۇرىيەت بولغان. 1960-يىلى ئارقا-ئارقىدىن مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن.

فرانسىيىگە قارام ئىكۋاتور ئافرىقىسى

  • فرانسىيىگە قارام ئىكۋاتور ئافرىقىسى[يەشمىسى:] فرانسىيىنىڭ ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا رايونلىرىدىكى مۇستەملىكىسىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، چاد، ئۇبانگى چارى (ھازىرقى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى)، مەركىزى كونگو (ھازىرقى كونگو جۇمھۇرىيىتى) ھەمدە گابون قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1910-يىلى قۇرۇلغان.1911-يىلى گېرمانىيىگە «ئۆتۈنۈپ» بېرىش ئارقىلىق گېرمانىيىنى فرانسىيىنىڭ ماراكەشكە بولغان ھامىيلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلدۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فرانسىيىگە ياندۇرۇپ بېرىلگەن. فرانسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋالىي تۇرغۇزۇپ، بارلىق سىياسىي ئىشلارنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان. تۆت رايوننىڭ ھەربىرىگە بىر نەپەردىن ئەمەلدار قويۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ۋالىي ئالدىدا جاۋابكار بولغان. 1957-يىلى بۇ تۆت رايون ئايرىم-ئايرىم ھالدا «يېرىم ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيەت» كە ئۆزگەرتىلگەن ۋە ھەربىرىدە يەرلىك پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت كومىتېتى تەسىس قىلغان، لېكىن ئەمەلىي ھوقۇق يەنىلا فرانسىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋالىيسىنىڭ قولىدا بولغان. 1959-يىلى تۆت رايون «فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى» ئىچىدىكى ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتى بولغان. 1960-يىلغا كەلگەندە ئارقىمۇ ئارقا مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن.

فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق

  • فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق[يەشمىسى:] فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى ۋە ناپولېئون ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىلدە، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپادىكى ئاساسلىق فېئودال دۆلەتلەرنىڭ فرانسىيىگە قوراللىق ئارىلىشىشتىكى ئەكسىيەتچى ئىتتىپاق. ئىتتىپاق جەمئىي يەتتە قېتىم قۇرۇلغان. (1) 1793-يىلى ئەتىيازدا ئەنگلىيە، گوللاندىيە، ئاۋسترىيە، پرۇسسىيە، ئىسپانىيە، ساردىنىيە، نېئاپول ۋە روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، فرانسىيە زېمىنىغا تۆت تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان. شۇنداقلا فرانسىيىدىكى پادىشاھپەرەسلەرنىڭ توپىلىڭىنى قوللىغان. 1794-يىلى 6-ئايدىكى فلېريوس جېڭىدە فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە تارمار قىلىنغان. 1797-يىلى 10-ئايدا «كلپوفورمو سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان، كېيىن يەنە ئەنگلىيىنى «ئامېنس سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلىغان، ئىتتىپاق پارچىلىنىپ كەتكەن. (2) 1798-يىلى 12-ئايدا ئەنگلىيە، روسىيە، ئاۋسترىيە، نېئاپول، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان. 1800-يىلى 6-ئايدا، ناپولېئون ئىتالىيىنىڭ مارېنگو جېڭىدە ئاۋسترىيىنىڭ ئاساسىي قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئاۋسترىيىنى «لۇنېۋىللا سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. كېيىن يەنە ئەنگلىيىنى «ئامېنس سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلىغان. كېيىن ئىتتىپاق تارقىلىپ كەتكەن. (3) 1805-يىلى يازدا ئەنگلىيە، روسىيە، ئاۋسترىيە، شۋېتسىيە، نېئاپول قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان. ئىسپانىيە، باۋارىيە، ۋېتېمبېرگ قاتارلىقلار فرانسىيە تەرەپتە تۇرغان. 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ناپولېئون ئوستېرلىس جېڭىدە روسىيە-ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، «پرسبورگ سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان(12-ئاينىڭ 26-كۈنى)، ئىتتىپاق مەغلۇپ بولغان. (4) 1806-يىلى 9-ئايدا، ئەنگلىيە، پروسىيە، روسىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان. 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ناپولېئون يېنا جېڭى ۋە ئاۋئەرشتىد جېڭىدە پروسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى يوقىتىپ، ئەسكەرلىرىنى باشلاپ بېرلىنغا بېسىپ كىرگەن؛ 1807-يىل 2-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋە 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېيلەۋ ۋە فرىدلاند جېڭىدە روسىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، روسىيە بىلەن پرۇسسىيىنى «تىلىست سۈلھ شەرتنامىسى» نى (1807-يىل 7-ئاينىڭ 7-، 9-كۈنى) ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. ئىتتىپاق يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ بولغان. (5)1809-يىلى ئەتىيازدا ئەنگلىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىل قىلىنغان. 7-ئايدا ناپولېئون ۋاگرام جېڭىدە ئاۋسترىيە ئارمىيىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنى «ۋېنا سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ناپولېئون پۈتۈن غەربىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ياۋروپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. (6) 1813-يىلى ئەنگلىيە، روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىل قىلىنغان. شۇ يىلى 10-ئايدا لېيپسېگ جېڭىدە ناپولېئون مەغلۇپ بولغان. ئىككىنچى يىلى 3-ئايدا فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق ئارمىيىسى پارىژغا بېسىپ كىرگەن. 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ناپولېئون تەختتىن چۈشكەن ۋە ئېلبا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. بوربون خاندانلىقى قايتا تىكلەنگەن. (7) 1815-يىلى 3-ئايدا، ناپولېئون پارىژغا قايتىپ كېلىپ، تەختكە چىققان. ئەنگلىيە، روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قايتىدىن فرانسىيىگە قارشى يەتتىنچى قېتىم ئىتتىپاق تۈزگەن. 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋاتېرلوئو جېڭىدە ناپولېئون مەغلۇپ بولغان. 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىككىنچى قېتىم تەختتىن چۈشۈپ، مۇقەددەس ھىلېنا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. بوربون خاندانلىقى ئىككىنچى قېتىم قايتا تىكلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن 22 يىلدىن ئوشۇقراق داۋاملاشقان فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان.

فرانسىيىنىڭ 1848-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنى

  • فرانسىيىنىڭ 1848-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:]فرانسىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدىكى ئاساسىي قانۇن. 1848-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلىنغان. ئاساسىي قانۇن فرانسىيىنىڭ دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان شۇنىڭدەك ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ خەلققە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، خەلقنىڭ سۆزلەش، مەتبۇئات، يىغىلىش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ۋە مۇراجىئەت قىلىش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى، تولۇقسىز مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقى، ئەمگەك ھوقۇقى ۋە ياردەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. قانۇن بېكىتىش ھوقۇقى بىر پالاتالىق تۈزۈمىدىكى قانۇن بېكىتىش پارلامېنتقا مەنسۇپ بولغان؛ پارلامېنت ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم سايلام ئۆتكۈزگەن، پارلامېنت ئەزالىرى 21 ياشقا تولغان، ئۆز رايونىدا ئولتۇراقلاشقانلىقىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان ئەرلەر بىۋاسىتە، يوشۇرۇن ۋە ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەمۇرىي ھوقۇق ئومۇمىي خەلق سايلىمى ئارقىلىق سايلاپ چىققان زۇڭتۇڭغا مەنسۇپ بولغان؛ زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۆت يىل بولۇپ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە رۇخسەت قىلىنمىغان، ئاساسىي قانۇن ھوقۇقىنى بۆلۈش پرىنسىپىغا ئاساسەن قانۇن چىقىرىش ۋە مەمۇرىي ھوقۇق دائىرىسىنى قاتتىق ئايرىغان؛ زۇڭتۇڭنىڭ قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنى تارقىتىۋېتىش ۋە پارلامېنتنىڭ قارارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھوقۇقى بولمىغان، قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى زۇڭتۇڭنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەشكىمۇ بولمىغان، مەزكۇر ئاساسىي قانۇن 1851-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى لۇئى بوناپارتنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

فرانسىيىنىڭ 1830-يىلىدىكى نىزامنامىسى

  • فرانسىيىنىڭ 1830-يىلىدىكى نىزامنامىسى[يەشمىسى:] فرانسىيە ئىيۇل سۇلالىسى مەزگىلىدىكى ئاساسىي قانۇن. 1830-يىلى ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن، 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ماقۇللانغان. مەزمۇنى «1814-يىلىدىكى نىزامنامە» گە ئوخشاش، لېكىن بىرقانچە ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلگەن: «1814-يىلىدىكى نىزامنامە» نىڭ «ئىلتىپات قىلىش» ھەققىدىكى مۇقەددىمىنى چىقىرىۋەتكەن؛ كورۇل مەمۇرىي ھوقۇققىلا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ قانۇن بېكىتىش ۋە ئارقىغا تارتىش ھوقۇقى بىكار قىلىنغان؛ قانۇن بېكىتىش ھوقۇقى ئىككى پالاتالىق تۈزۈمدىكى پارلامېنتقا مەنسۇپ بولغان. ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن؛ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىدا ياش ئۆلچىمى ۋە مال-مۈلۈك سالاھىيىتى تۆۋەنلىتىلگەن. ئەينى چاغدا فرانسىيىدىكى 34 مىليون ئاھالىدىن 225 مىڭ كىشىلا سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان؛ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نامىغا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى بىكار قىلىنغان؛ مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى چەكلەش مەنئى قىلىنغان.

فرانسىيىنىڭ 1814-يىلىدىكى نىزامنامىسى

  • فرانسىيىنىڭ 1814-يىلىدىكى نىزامنامىسى[يەشمىسى:]فرانسىيىنىڭ بوربون سۇلالىسى قايتا تىرىلگەن مەزگىلدىكى ئاساسىي قانۇن. 1814-يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ناپولېئونⅠ تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن لۇئى ⅩⅧ 6-ئاينىڭ 4-كۈنى «ئىلتىپات قىلغان». نىزامنامە پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى ئېتىراپ قىلغان، لېكىن كورۇلغا چوڭ ھوقۇق بېرىلگەن. يەنى كورۇل دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبىرى شۇنداقلا قوراللىق كۈچلەرنىڭ باش قوماندانى دەپ قارالغان، يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلار ھەم دىپلوماتىيە ئەلچىلىرىنى تەيىنلەش، شەرتنامە تۈزۈش، ئۇرۇش ئېلان قىلىش، پارلامېنتنى چاقىرىش ياكى تارقىتىۋېتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى كورۇل ۋە ئىككى پالاتادىن تەشكىل تاپقان پارلامېنتقا مەنسۇپ قىلىنغان؛ ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى كورۇل تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. يېشى 30 غا توشقان، 300 فرانكتىن يۇقىرى بىۋاسىتە باج تاپشۇرغان ئەرلەرلا سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىنغان (ئەينى چاغدا فرانسىيە بويىچە ئاران 95 مىڭ ئادەملا ئۆلچەمگە لايىق بولغان)؛ 40 ياشقا توشقان، تاپشۇرغان بىۋاسىتە بېجى مىڭ فرانكتىن يۇقىرى بولغان ئەرلەرلا سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان (ئەينى چاغدا پەقەت 19مىڭ كىشىلا ئۆلچەمگە لايىق بولغان). نىزامنامىدە كونا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۇنۋانىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نامىنىمۇ ئېتىراپ قىلغان. ئىنقىلاب مەزگىلىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يەرلەرنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئېتىراپ قىلىنغان؛ نامدا ئېتىقاد، نەشىر قىلىش قاتارلىق ئەركىنلىكلەر ساقلاپ قېلىنغان.

فرانسىيىنىڭ 1875-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنى

  • فرانسىيىنىڭ 1875-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:] «فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىر قاتار قانۇنلاردىن تەركىب تاپقان (تېيېر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى ماقۇللانغان «زۇڭتۇڭ ھوقۇقى قانۇنى»، 1875-يىل 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ماقۇللانغان «كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى»، 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ماقۇللانغان «دۆلەت ھاكىمىيىتى ئورگىنىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ئاساسىي قانۇندا، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى ئىككى پالاتالىق تۈزۈمىدىكى پارلامېنت تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ؛ ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ؛ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى ۋاسىتىلىك سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ؛ ئاۋام پالاتاسىنىڭ قانۇن لايىھىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ؛ مەمۇرىي ھوقۇق ئىككى پالاتانىڭ بىرلەشمە سايلىمى ئارقىلىق سايلىنىپ چىققان زۇڭتۇڭنىڭ قولىدا بولىدۇ، زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى يەتتە يىل بولۇپ، داۋاملىق زۇڭتۇڭلۇققا سايلانسا داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەيدۇ؛ زۇڭتۇڭ ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىدۇ ۋە مەمۇرىي، ھەربىي ئەمەلدارلارنى تەيىنلەيدۇ؛ زۇڭتۇڭ ھەمدە ئىككى پالاتا قانۇن ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقىغا ئىگە، زۇڭتۇڭنىڭ كېچىكتۈرۈش، كەچۈرۈم قىلىش، مۇددەتتىن بۇرۇن پارلامېنت يىغىنى چاقىرىش ياكى يىغىننى يېپىشنى كەينىگە تارتىش ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن ئاۋام پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىش ھوقۇقى بولىدۇ؛ زۇڭتۇڭ ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش ۋەقەسىگىلا جاۋابكار بولىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت مۇددەتتىن بۇرۇن خىزمەتتىن قالدۇرۇلمايدۇ؛ مىنىستىرلار ئىككى پالاتا ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، پارلامېنت ئىشەنمەسلىك ئاۋازنى بېرىش ئارقىلىق ئىچكى كابىنېتنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇرلاشقا بولىدۇ؛ زۇڭتۇڭ تەيىنلىگەن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى مەسلىھەت قىلىش فونكسىيىسىنى ئىجرا قىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. مەزكۇر ئاساسىي قانۇن فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ تىكلەنگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى. 1884-يىلى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ «ھۆكۈمەتنىڭ جۇمھۇرىيەت شەكلى تەكلىپ بېرىپ ئۆزگەرتىلىدىغان ئوب-يېكت قىلىنمايدۇ». «فرانسىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان جەمەت ئەزالىرى جۇمھۇرىيەتنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇمھۇرىيەتنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن.

فرانسىيىنىڭ 1795-يىلدىكى ئاساسىي قانۇنى

  • فرانسىيىنىڭ 1795-يىلدىكى ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:]فرانسىيە تەپتىش ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى (1795 — 1799) جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنى. تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، مىللىي ئۇيۇشما 1795-يىلى (جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۈچىنچى يىلى) 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ماقۇللىغان. ئاساسىي قانۇن سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى باراۋەرلىك ھەمدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ھوقۇقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان؛ بىۋاسىتە ئومۇمىي سايلام ھوقۇقى ۋە بىر پالاتالىق تۈزۈمنى بىكار قىلغان؛ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىدا بىرقەدەر يۇقىرى بولغان مال-مۈلۈك سالاھىيىتى ۋە ياش شەرتى بەلگىلەنگەن؛ پۇقرالارنىڭ سىياسىي ئەركىنلىكىمۇ مۇئەييەن چەكلىمىگە ئۇچرىغان. قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇقى ئىككى پالاتا تۈزۈمىدىكى قانۇن بەلگىلەش مۇئەسسەسەسىگە تەئەللۇق بولغان؛ بەش يۈز كىشىلىك پالاتا قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە مۇزاكىرىدىن كېيىن سىناتقا تاپشۇرغان؛ سېنات قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلماي ياكى ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەي تەستىقلىغان ۋە ياكى ئىنكار قىلغان. مەمۇرىي ھوقۇق بەش كىشىدىن تەشكىللەنگەن تەپتىش ھۆكۈمىتىگە مەنسۇپ بولغان. ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارلىرى بەش يۈز كىشىلىك پالاتانىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، سېنات تەرىپىدىن سايلانغان. ھەر يىلى ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئالماشتۇرۇپ سايلانغان، ھۆكۈمەت رەئىسلىكىنى بەش ئادەم نۆۋەت بىلەن ئىشلىگەن، مۇددىتى ئۈچ ئاي بولغان. ئاساسىي قانۇن بۈيۈك ئىنقىلاب مەزگىلىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مۈلۈكلەرنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلغان؛ ئەمگەك ئەركىنلىكى ۋە سودا-سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئەركىنلىكى ھەمدە دۆلەت بىلەن دىنىي جەمئىيەتنى ئايرىۋېتىشنى بەلگىلىگەن. ئاساسىي قانۇننى ماقۇللاش بىلەن بىرلىكتە ئەمىر-پەرمانلارنىمۇ ماقۇللاپ، ئەسلىدىكى ۋەكىللەرنىڭ [SX(]2[]3[SX)] قىسمىنىڭ يەنە سايلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. 10-ئاينىڭ 26-كۈنى مىللىي ئۇيۇشما ئاخىرقى قېتىملىق يىغىن چاقىرىپ، يېڭىدىن سايلانغان ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي قانۇن تۇرغۇزىدىغان ئىككى پالاتالىق مۇئەسسە قىلىپ تەشكىللەپ چىققان ھەمدە تەپتىش ئەمەلدارىنى سايلاپ چىققان.

فرانسىيىنىڭ تىرىلىش دەۋرىدىكى تارىخشۇناسلىقى

  • فرانسىيىنىڭ تىرىلىش دەۋرىدىكى تارىخشۇناسلىقى[يەشمىسى:] ئادەتتە بوربون سۇلالىسىنىڭ قايتا تىرىلىش مەزگىلىدىكى (1815 — 1830) فرانسىيە تارىخشۇناسلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەزگىلدە فرانسىيە بۇرژۇئازىيە تارىخشۇناسلىقى ئەۋج ئېلىپ، مەشھۇر تارىخچىلار يېتىشىپ چىققان. بۇلارنىڭ ۋەكىللىرى: تىئرې، مىڭىت، مىسېلې، گېزو ۋە تېيىر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئاساسلىق نەتىجىسى فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، سىنىپىي كۈرەش نۇقتىئىنەزەرى ئارقىلىق تارىخنى تەتقىق قىلىپ، سىنىپىي كۈرەش تەلىماتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بۇرژۇئازىيە بىلەن فېئودال ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇيانقى ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تارىخىنى بىلىشنىڭ تۈگۈنى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن؛ سىنىپىي كۈرەشنىڭ مەنبەسى ھەرقايسى سىنىپلار ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت قارىمۇ قارشىلىقى، يەنى مۈلۈك مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلغان ماددىي مەنپەئەت قارىمۇ قارشىلىقى ئىكەنلىكىنى؛ تارىخنى پادىشاھلار ئەمەس، بەلكى خەلق يارىتىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. بۇ ماركسىزملىق سىنىپىي كۈرەش نەزەرىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئىدىيىۋى ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بەرگەن؛ لېكىن ئۇنىڭ سىنىپىي كۈرەش نەزەرىيىسى بۇرژۇئازىيىنىڭ ھاكىمىيەت تارتىۋېلىشى ئۈچۈنلا ئاساس يارىتىپ بەرگەن، بۇرژۇئازىيە بىلەن فېئودال ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىنىپىي كۈرەشنىلا ئېتىراپ قىلىپ، پرولېتارىيات بىلەن بۇرژۇئازىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشكە قارشى تۇرغان ياكى ئۇنى ئىنكار قىلغان. شۇڭا ئۈزۈل-كېسىل بولمىغان ھەمدە ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا تارىخىي ئىدېئالىستىك كونا مۇقامدىن قۇتۇلالمىغان.

فرانك پادىشاھلىقى

  • فرانك پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]گېرمانلارنىڭ فرانك مىللىتى قۇرغان دەسلەپكى فېئوداللىق دۆلەت. مىلادى 486-يىلى سالىئان فرانكلارنىڭ قەبىلە باشلىقى كلوۋى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ گاللىيىدىكى قالدۇق كۈچلىرىنى يوقاتقاندىن كېيىن دۆلەت قۇرغان (Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرى). مېروۋېن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. 496-يىلى كلوۋى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەت فرانكلارنىڭ قوراللىق كېڭەيمىچىلىك قىلىشى چېركاۋنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ مۇنارخىيىلىك ھوقۇق ئاجىزلاپ، ئوردا ۋەزىرى بارا-بارا ئەمەلىي ھۆكۈمرانغا ئايلىنىپ قالغان. 751-يىلى ئوردا ۋەزىرى پېپىن (پەتەك) تەختنى تارتىۋېلىپ كارولىن سۇلالىسىنى قۇرغان. ئىمپېراتور كارولوس تەختتىكى مەزگىلدە (768 — 814) دۆلەت كۈچىيىپ روناق تاپقان، تېررىتورىيىسى غەربىي ياۋروپانىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، فېئودالىزمنىڭ ئاساسى تۇرغۇزۇلغان. 800-يىلى كارولوس تاج كىيىپ، ئىمپېراتور بولغان، فرانك پادىشاھلىقى بارا-بارا كارولوس ئىمپېرىيىسىگە ئايلانغان. 843-يىلى «ۋېردۇن شەرتنامىسى» ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئىمپېرىيە شەرقىي فرانك پادىشاھلىقى، غەربىي فرانك پادىشاھلىقى ۋە ئوتتۇرا پادىشاھلىقلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن، شۇنداق قىلىپ، يېقىنقى دەۋردىكى گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ دەسلەپكى شەكلى بارلىققا كەلگەن.

فرانكفۇرت سۈلھ شەرتنامىسى

  • فرانكفۇرت سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسى. 1871-يىل 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋېرسالدا فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە دەسلەپكى قەدەمدە ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسىدە ئالساس (بېلفورت [Belfort] رايونى بۇنىڭ سىرتىدا) ۋە لوررانېنىڭ شەرقىي قىسمىنى (مىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) گېرمانىيىگە بۆلۈپ بېرىش؛ فرانسىيە 5 مىليارد فرانك تۆلەمنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەپ بېرىش؛ تۆلەمنى تولۇق تۆلەم بولغاندىن كېيىن گېرمانىيە قوشۇنى فرانسىيە تۇپرىقىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىش بەلگىلەنگەن. فرانسىيە پوردو مىللىي پارلامېنتى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى دەسلەپكى سۈلھ شەرتنامىسىنى قوبۇل قىلغان. 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى فرانكفۇرتتا رەسمىي سۈلھ شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتكىچە داۋام قىلغان كېلىشەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە پۈتكۈل ياۋروپادىكى جىددىي ۋەزىيەتنى يامانلاشتۇرۇۋەتكەن.

فرانكفۇرت مىللىي پارلامېنتى

  • فرانكفۇرت مىللىي پارلامېنتى[يەشمىسى:]گېرمانىيىنىڭ 1848—1849-يىللىرىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مىللىي پارلامېنتى. 1848-يىل 5-ئاينىڭ 18-كۈنى مائىن دەرياسى بويىدىكى فرانكفۇرت شەھىرىنىڭ سىت پائۇل چېركاۋسىدا ئېچىلغان. گېرمانىيىنىڭ ھەرقايسى شتاتلىرى جەمئىي 573 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى سايلاپ چىققان، لېكىن پارلامېنتقا 320 نەپەر ئەزالا قاتناشقان. بۇرژۇئازىيە لىبېرالىستلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ياقلىغۇچىلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. يىغىن ئۇزۇن مۇددەتكىچە قاتماللىق ھالىتىگە چۈشۈپ قېلىپ، ئىنقىلابتىكى مۇھىم مەسىلە، يەنى فېئوداللارنىڭ قالدۇقىنى يوقىتىش، مىللىي بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ھەل قىلمىغان؛ ھەرقايسى شتاتلاردىكى فېئودال خانلارغا قارىتا مۇرەسسەچىلىك پوزىتسىيىسى تۇتقانلىقتىن خەلق ئىچىدىكى ئىناۋىتى كۈندىن-كۈنگە چۈشۈپ كەتكەن. ئىككىنچى يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇننى ماقۇللاپ، بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى قۇرۇپ، پادىشاھلىق ئورنىنى پرۇسسىيە كورۇلىغا بېرىشنى قارار قىلغان، ھەرقايسى شتاتلاردا كەڭ دائىرىلىك ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقى بولۇشنى بەلگىلىگەن. لېكىن بۇ پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە، باۋارىيە، ھاننوۋېر ۋە ساكسېن قاتارلىق شتاتلاردىكى كورۇللارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. 1849-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرى گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي شتاتلىرىدىكى خەلق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى قوغداش كۈرىشىنى قوزغاپ، ئاقىۋەت مەغلۇپ بولغان. 6-ئاينىڭ باشلىرى پارلامېنت شتوتگارتقا يۆتكىلىپ، «قالدۇق پارلامېنت» بولۇپ تەشكىللەنگەن، 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋورتېمبىرگ ئارمىيىسى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن، كېيىن پارچىلىنىپ كەتكەن.

فرانكلار

  • فرانكلار[يەشمىسى:]فرانسۇزچە Franc، نېمىسچە Franke، ئىنگلىزچە Frank دەپ ئېلىنىدۇ) گېرمانلارنىڭ قەبىلە تۈرى. دەسلەپ رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ ئوڭ قىرغىقىغا تارقالغان. ئاساسلىقى ئىككى تارماق بولۇپ، رېين دەرياسى دېلتىسىنىڭ دېڭىزغا يېقىن رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقانلىرى سالىئان فرانكىلىرى (Salian Franks)، رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى تۈزلەڭلىكلەردە ئولتۇراقلاشقانلىرى رىپۇرىئان فرانكلىرى (Ripuarian Franks) دەپ ئاتالغان. مىلادى Ⅲ ئەسىردىن باشلاپ داۋاملىق تۈردە رېين دەرياسىدىن ئۆتۈپ، رىم ئىمپېرىيىسى تەۋەلىكىدىكى رايونلارنى يۇتۇۋالغان. Ⅳ ئەسىرگە كەلگەندە، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىتتىپاقچىسى سۈپىتى بىلەن گاللىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان. 486-يىلى سالىئان فرانكلارنىڭ باشلىقى كلوۋى قوشۇن باشلاپ غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ گاللىيىدىكى قالدۇق كۈچلىرىنى يوقاتقاندىن كېيىن، لورىې دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى گاللىيە رايونىنى ئىشغال قىلىپ، فرانك پادىشاھلىقىنى قۇرغان. Ⅵ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە فرانكلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقى بارا-بارا يوقاپ، فېئوداللىق تۈزۈمگە قاراپ ئۆتۈشكە باشلىغان. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى كارولۇس ئىمپېرىيىسى پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن غەربىي فرانكلار ئاستا-ئاستا يەرلىك رىملىقلار، گاللىيانلار، غەربىي گوتلار ۋە بۇرۇندىلار بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن؛ شەرقتىكى فرانكلار ساكسېنلار، باۋارىيىلىكلەر ۋە ئالمانىلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن.

فرانكلىن

  • فرانكلىن[يەشمىسى:]Benjamin Franklin،1706 — 1790)، ئامېرىكىلىق سىياسىئون، ئالىم، يازغۇچى. ماسساچۇسېت شتاتىدىكى بىر قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا مەتبەئە شاگىرت ئىشچىسى بولغان. 1730-يىلى «پېنسىلۋانىيە گېزىتى» نى نەشىر قىلغۇچى سودىگەر ۋە تارقاتقۇچى بولغان. 1731-يىلى فىلادېلفىيە شەھىرىدە شىمالىي ئامېرىكا بويىچە تۇنجى ئاممىۋى كۇتۇپخانىنى قۇرغان. 1743-يىلى ئامېرىكا قىتئەسى پەلسەپە جەمئىيىتىنى قۇرغان. 1751-يىلى پېنسىلۋانىيە داشۆسىنى ئېچىشقا ياردەم بەرگەن.1754-يىلى ئەنگلىيىگە قاراشلىق مۇستەملىكلەر ۋەكىللەر يىغىنىدا، مۇستەملىكىلەرنى بىرلەشتۈرۈش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇستەقىللىك ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگلىيىگە قارشى كۈرەشكە پائال قاتناشقان، 1775-يىلى ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇقلۇق يىغىنىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان ھەمدە «مۇستەقىللىك خىتابنامىسى» نى يېزىشقا قاتناشقان. 1776-يىلى فرانسىيىگە ئەلچىلىككە بېرىپ، فرانسىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقىنى تۈزگەن (1778-يىلى). 1781-يىلى ئامېرىكىغا ۋەكىل بولۇپ ئەنگلىيە بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بارغان. 1783-يىلى ئەنگلىيە بىلەن «پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان.1787-يىلى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كېڭىشىگە قاتناشقۇچى ۋەكىل بولۇپ، قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىلمىي تەتقىقات جەھەتتە، چاقماق قايتۇرغۇچ، كۆزەينەك، ئەينەك تىللىق چالغۇ قاتارلىقلارنى كەشپ قىلغان. ئەدەبىيات جەھەتتە بىلىم سەۋىيىسى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، داڭلىق ئەسەرلىرىدىن «تەرجىمىھالىم» بار. پەلسەپە جەھەتتە تەبىئەت ئىلاھ نەزەرىيىسىنى ياقلاپ، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ ئوبيېكتىپلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

فرانكو

  • فرانكو[يەشمىسى:]Francisco Franco y Bahamonde،1892 — 1975) ئىسپانىيىلىك ئىستىبدات. فالانگېچىلارنىڭ كاتتىبېشى. ھەربىي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. ئالكاسار ھەربىي ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. كۆپ قېتىم ماراكەش خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. 1928-يىلدىن تارتىپ ساراگوسا ھەربىي ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1935-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى شتاب باشلىقى بولغان. 1936-يىلى 2-ئايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، كانارىي تاقىم ئارىلىدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ قوماندانى بولغان. شۇ يىلى 7-ئايدا فاشىست ھەربىيلەرنى باشلاپ توپىلاڭ قوزغاپ، ئۈچ يىللىق ئىچكى ئۇرۇش ئارقىلىق 1939-يىلى 3-ئايدا مادرىدنى ئېلىپ، جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەن. ئۆزى دۆلەت باشلىقى، قوشۇمچە گېنېراللىسمۇس بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پىدائىيلار قوشۇنى — «يېشىل دىۋىزىيى» نى ئەۋەتىپ، گېرمانىيىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. 1947-يىلى ئىسپانىيىنى پادىشاھلىق دۆلەت دەپ جاكارلاپ، ئۆزى دۆلەت باشلىقى، قوشۇمچە مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ رەئىسى (زۇڭلى) بولۇۋالغان. 1969-يىلى 7-ئايدا سابىق پادىشاھ ئالفونسو ⅩⅢ نىڭ نەۋرىسى خوئان كارلوس(Juan Carlos de Borbon y Borbon، 1938 — ) نى پادىشاھ تەخت ۋارىسى دەپ جاكارلىغان. 1975-يىلى 11-ئايدا كېسەل بولۇپ ئۆلگەن.

فرانكونىيە

  • فرانكونىيە[يەشمىسى:]Franconia، نېمىسچە Franken دەپ ئېلىنىدۇ) گېرمانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تارىخىي رايوننىڭ نامى. ئىلگىرى بۇ ئەتراپتا فرانكلار ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۈچۈن فرانكونىيە دەپ ئاتىلىپ قالغان. بۇ رايوننىڭ كۆپ قىسمى ھازىرقى فېدېراتىپ گېرمانىيىسىنىڭ باۋارىيە، بادېن-ۋۇرتتېمبېرگ ۋە خېسسېن ئوبلاستلىرىغا جايلاشقان. مىلادى Ⅸ ئەسىرگە كەلگەندە كىنەزلىك قۇرۇلغان. كېيىن غەربىي فرانكونىيە ۋە شەرقىي فرانكونىيە دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1024-يىلى فرانكونىيە ماركىزى كونراد مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى بولۇپ، فرانكونىيە سۇلالىسىنى قۇرغان. Ⅻ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن فرانكونىيە مەخسۇس شەرقىي فرانكونىيىنى كۆرسەتكەن. 1524 — 1525-يىللىرى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانكونىيە قوزغىلاڭنىڭ ئاساسلىق رايونلىرىدىن بولۇپ قالغان.

فرانكونىيە خاندانلىقى

  • فرانكونىيە خاندانلىقى[يەشمىسى:] سالىئېر(Salier) خاندانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيە ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىدىكى فېئوداللىق خاندانلىق(1024—1125). فرانكونىيە گرافى كونراد قۇرغان. ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى رىتسارلار خۇسۇسىي خادىملار ۋە يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان شەھەر ئاھالىلىرىغا تايىنىپ، چوڭ فېئوداللارغا قارشى كۈرەش قىلىپ، خان جەمەتىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتكەن؛ ئىتالىيىگە قارىتا تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزگەن؛ رىم پاپاسى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئېپىسكوپلۇققا تەيىنلەش ھوقۇقىنى تالىشىپ، 1122-يىلى (ۋورمىس دىنىي كېلىشىمى» ئىمزالىغاندىن كېيىنلا ۋاقتىنچە مۇرەسسەگە ئۆتكەن. ئۆتكەن كورۇللار ۋە ئۇلارنىڭ تەختتىكى يىللىرى مۇنداق: كونرادⅡ(1024—1039)، ھېنرى Ⅲ (1039 — 1056)، ھېنرى Ⅳ (1056 — 1106)، ھېنرى Ⅴ (1106 — 1125).

فرانكې ئارىلى

  • فرانكې ئارىلى[يەشمىسى:]de-Ile France) فرانسىيىدىكى رايوننىڭ ئىسمى. ئەسلى سېنا دەرياسى ھەمدە ئۇنىڭ تارمىقى ئوسې (Oise) دەرياسى بىلەن مارنې (Marne) دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شەكلى ئارالغا ئوخشاپ كەتكەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. پارىژ بۇ يەردىكى مۇھىم شەھەر. دەسلەپكى چاغلاردا كاپېتېنىس سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىنىڭ خوجىدارلىق يېرى بولۇپ، كېيىن فرانسىيىنىڭ مەركىزىي رايونى بولۇپ قالغان.

فرانىس

  • فرانىس[يەشمىسى:]Anatole France، 1844 — 1924) فرانسىيىلىك يازغۇچى. پارىژدىكى كىتاب سودىگىرى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. خېلى بۇرۇنلا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ، «دەۋر» ئەدەبىي تەنقىد بېتىگە ماقالە يېزىپ تۇرغان. ئىلگىرىكى ئەسەرلىرىدە رېئالىزملىق ئۇسلۇب ئارقىلىق بۇرژۇئازىيە قانۇنىنىڭ ساختىلىقى ۋە جەمئىيەت تۈزۈمىدىكى زىددىيەتلەرنى ئېچىپ تاشلىغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە كاپىتالىزمنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئۆتكۈر تەنقىد قىلىپ، درېفوس ۋەقەسىدە قەتئىي ھالدا ئىلغار كۈچلەر تەرەپتە تۇرغان ھەمدە زولا ۋە باشقا درېفوسچىلارنىڭ سوتسىيالىستىك پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. 1905 — 1907-يىللىرىدىكى روسىيە ئىنقىلابىدا «روسىيە خەلقىنىڭ دوستلۇق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسلىك سالاھىيىتى بىلەن روسىيە ئىنقىلابىغا مەدەت بەرگەن ھەمدە ئىنقىلابتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، كاپىتالىزم جەزمەن يوقىلىدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقارغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا «يومانتى گېزىتى» گە ماقالە يېزىپ تۇرغان. ئۇنىڭ يەنە «ئالتۇن رەڭلىك شېئىرلار توپلىمى»، «پۇنارنىڭ جىنايىتى»، «تېيىس»، «ئەرۋاھلار ئىنتىزارى» قاتارلىقلارنى يازغان. 1921-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

فرانىس جوسېفⅠ

  • فرانىس جوسېفⅠ[يەشمىسى:]Franz Joseph Ⅰ، 1830 — 1916) ئاۋسترىيە كورۇلى (1848 — 1916)، ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى، قوشۇمچە ۋېنگرىيە خانى (1867 — 1916). تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە، «ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىرلىكى»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نامى بىلەن، «يېڭى مۇستەبىتلىك»نى يولغا قويۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن. 1849-يىلى ۋېنگرىيە ئىنقىلابىنى باستۇرغان. 1859-يىلى ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدە ساردىنىيە پادىشاھلىقى ۋە فرانسىيە ئارمىيىسىدىن يېڭىلىپ، لومباردىيىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىدىن مەھرۇم بولغان.1866-يىلى پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ، گېرمانىيە فېدېراتسىيىسىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. 1867-يىلى ۋېنگرىيە ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن مۇرەسسەلىشىپ، ئىككى باشلىقلىق تۈزۈمىدىكى ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. 1879-يىلى گېرمانىيە بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى ئىمزالىغان، كېيىن يەنە 1882-يىلى گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ۋە ئىتالىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بالقانغا بولغان تاجاۋۇزچىلىق ۋە كېڭەيمىچىلىكىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، روسىيە بىلەن بولغان زىددىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتكەن. 1914-يىلى سارايېۋو ۋەقەسى سەۋەبىدىن، گېرمانىيىنىڭ كۈشكۈرتۈشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، سېربىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان.

فرانس فېردىناند

  • فرانس فېردىناند[يەشمىسى:]Franz Ferdinand، 1863 — 1914) خابىسبۇرگ-ئېستې كىنەزى، فرانس جوسېفⅠ نىڭ جيەنى. 1889-يىلى خابسبۇرگ خان جەمەتىنىڭ ۋارىسى قىلىپ تىكلەنگەن. مىلىتارىست ۋە كېڭەيمىچى، ھەربىيلەر پارتىيىسىنىڭ باشلىقى. 1898-يىلدىن باشلاپ ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى بولغان. بوسىنىيە ۋە گېرتسېگوۋېنانى يۇتۇۋېلىشنى جان جەھلى بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، 1908-يىلى بوسىنىيە كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يۇگوسلاۋىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە قارشى تۇرۇش ھەمدە مەملىكەت ئىچىدىكى مىللىي زىددىيەتنى كېلىشتۈرۈش ئۈچۈن ئىككى باشلىقلىق ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە ۋە كرودىيە (خوراۋتىيە) دىن تەركىب تاپقان «ئۈچ بىرلەشمە دۆلەت» قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1914-يىلى 6-ئايدا، بوسنىيەنىڭ سارايېۋو دېگەن يېرىدە سېربىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى تەرىپىدىن قەتل قىلىنىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان. «سارايېۋو ۋەقەسى» گە قارالسۇن.

فرودې

  • فرودې[يەشمىسى:]James Anthony Froude، 1818 — 1894) ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس. ياش ۋاقتىدا ۋېستمىنستېر (Westminster) ئوتتۇرا مەكتىپىدە ۋە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورېل ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1844-يىلى دىنىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ، چېركاۋدا ئىش بېجىرگۈچى بولغان. كېيىن لوندوندا كارلىل (Thomas Garlyle) بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا قايىل بولغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورناتقان. 1872-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ، لېكسىيە سۆزلىگەن. ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، ئىلگىرى-كېيىن جەنۇبىي ئافرىقا، ئاۋسترالىيە ۋە غەربىي ھىندىستان تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.1892-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىنقى زامان تارىخى پەنلىرىنىڭ پروفېسسورى بولغان. تارىخشۇناسلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتىنى خاتىرىلەش، تارىخنى كومېدىيە سۈپىتىدە يېزىش لازىم، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. 12 توملۇق «ئەنگلىيە تارىخى» دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇنىڭدا 1529 — 1588-يىللىرىدىكى تارىخ بايان قىلىنغان. بۇ كىتابنىڭ ئۇسلۇبى گۈزەل، ئۇنىڭدا پېرسوناژلار جانلىق تەسۋىرلەنگەن، لېكىن تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا سەل قارالغانلىقتىن، يېڭىلىشىش بەكمۇ كۆپ، كېيىنكىلەر «فرودې كېسىلى» دېگەن سۆز ئارقىلىق بەزى تارىخشۇناسلارنىڭ قولىنىڭ ئۇچىدا ئىشلەشتەك ئىستىلىنى مەسخىرە قىلغان. يەنە «توماس كارلىل تەرجىمىھالى» دېگەن ئەسىرى بار.

فروست

  • فروست[يەشمىسى:]Robert Lee Frost، 1874 — 1963) ئامېرىكىلىق شائىر. ياش ۋاقتىدا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا بالا ئىشچى، موزدۇز، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، مۇخبىر بولغان. 1897-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ، ئىككى يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، مەكتەپتىن ئايرىلىپ، دېھقانچىلىق مەيدانىنى باشقۇرغان. 1912-يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ «بىر بالىنىڭ ئارزۇسى»، «بوستوننىڭ شىمالىي» قاتارلىق شېئىرلىرىنى ئېلان قىلغان. كېيىن ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن. خارۋارد، ئامېرست (Amherst) ، مىچگان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا لېكسىيە سۆزلىگەن ياكى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئاساسلىق شېئىرلىرىدىن «يېڭى خامپشىر ۋىلايىتى» (hampshire)، «شاھىت دەرەخ»، «ئاقىلانە يالغان نىقاب»، «ئېچىنارلىق يالغان نىقاب» قاتارلىقلار بار. ئەسەرلىرىدە، ئاساسلىقى، يېڭى ئەنگلىيە كىشىلىرى ۋە مەنزىرىسى يېزىلغان بولۇپ، قويۇق يەرلىك پۇراق بار، بۇ ئەسەرلەرنىڭ تىلىمۇ ئاددىي، تۆت قېتىم پۇلىتز (Joseph Pulitzer) شېئىر مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان.

فرونتىنۇ

  • فرونتىنۇ[يەشمىسى:]Sextus Julius Frontinus، مىلادى تەخمىنەن 30 — 104) قەدىمكى رىم يازغۇچىسى. مىلادى 70-يىلى شەھەرنىڭ چوڭ سوتچىسى بولغان. 73-يىلى كونسۇللۇققا تولۇقلاپ سايلانغان. 75-يىلى برىتانىيىنىڭ باش ۋالىيلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يەرلىك سىلۇرېس (Silures) لارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، رىم ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قالغان؛ 78-يىلى ئاگرىكولا (Agricola) ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن. تەخمىنەن 97-يىلى سۇ ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، رىمنىڭ سۇ ئىنشائاتى ئىشلىرىنى باشقۇرغان. ھازىرغىچە ئىككى پارچە ئەسىرى ساقلىنىپ قالغان: «ستراتېگىيە توغرىسىدا» دا قەدىمكى ھەربىي ئالىملارنىڭ يوقىلىپ كەتكەن بەزى سۆز-ھەرىكەتلىرى ساقلىنىپ قالغان؛ «رىم شەھىرىنىڭ سۇ يوللىرى توغرىسىدا» بولسا قەدىمكى رىم سۇ يوللىرى قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخى ۋە تېخنىكىۋى شەرت-شارائىتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

فروندېچىلار ھەرىكىتى

  • فروندېچىلار ھەرىكىتى[يەشمىسى:]فروندې ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «فروندې» فرانسۇزچە fronde نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئەسلىدە بالىلار ئوينايدىغان رەگەتكا بولۇپ، پارىژ شەھىرىدە بۇنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان، خىلاپلىق قىلغۇچىلار جازاغا تارتىلغان. شۇ سەۋەبتىن بۇ، تەرتىپنى بۇزۇش، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە قارشى تۇرۇش مەنىسىنى بىلدۈرگەن. بۇ يەردە 1648 — 1653-يىللىرىدىكى (لۇئى ⅩⅣ تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلىدىكى) فرانسىيىدىكى مۇستەبىت مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەتكە قارشى سىياسىي ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئالدىنقى باسقۇچ «ئالىي سوت مەھكىمىسى فروندېسى» دەپ ئاتىلىدۇ (1648 — 1649). 1648-يىلىنىڭ بېشىدا، كورۇل ھۆكۈمىتىنىڭ زورلۇق بىلەن تۈرلۈك ئالۋان-ياساق ئېلىشنى چەكلەش ئۈچۈن، پارىژ ئالىي سوت مەھكىمىسى ئىسلاھات پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىلا باج ئېلىشقا بولىدىغانلىقىنى، ئەرز سۇنماي تۇرۇپ تۇتقۇن قىلىشقا بولمايدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بەلگىلىگەن ھەمدە يېڭى مالىيە پەرمانىنى تىزىملاشنى رەت قىلغان. ھۆكۈمەت سوت ئەمەلدارىنى تۇتقۇن قىلغان. شۇ يىلى 8-ئايدا پارىژ شەھەر ئاھالىسى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئالىي سوت مەھكىمىسىنى قوللىغان. كورۇل جەمەتى بىر مەھەل پارىژدىن قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. 1649-يىلنىڭ باشلىرى، پادىشاھ قوشۇنلىرى شەھەرنى قورشىۋالغان. 3-ئايدا، ئالىي سوت مەھكىمىسى بىلەن كورۇل ئوردىسىدىكىلەر مۇرەسسەلەشكەن. كېيىنكى مەزگىلى «شاھزادە فروندېسى» دەپ ئاتىلىدۇ (1650 — 1653). شاھزادە كوندې (Louisllde Bourbon Princede Conde، 1621 — 1686) ۋەكىللىكىدىكى ئاقسۆڭەكلەر كۆپ قېتىم توپىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە ئىسپانىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. كېيىن ئاممىنىڭ قارشى چىقىشى ۋە ئىچكى ماجىرا تۈپەيلىدىن زەئىپلىشىپ كېتىپ، 1653-يىلى بېسىقتۇرۇۋېتىلگەن. بۇ فرانسىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەتكە قارشى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق قوراللىق قارشىلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

فروندې ھەرىكىتى

  • فروندې ھەرىكىتى[يەشمىسى:]يەنى «فروندېچىلار ھەرىكىتى».

فروئىسار

  • فروئىسار[يەشمىسى:]Jean Froissart، تەخمىنەن 1337 — 1410 فرانسۇز سالنامىچى. ۋالېنسېننې Valenciennes)، ھازىرقى فرانسىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدا بولۇپ، ئەينى زاماندا نىدېرلاندىيىگە تەۋە ئىدى) دىكى بىر شەھەر پۇقراسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1360-يىلى، ئۇ ئەنگلىيە خانىكىسى فىلىپا (Philippa of Hainaut، 1314 — 1369) نىڭ تەكلىپى بىلەن لوندونغا بارغان. 1365-يىلى شوتلاندىيىدە زىيارەتتە بولغان. ئىككىنچى يىلى ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي مىلاندا ساياھەتتە بولغان. پات-پات كورۇل-شاھزادە، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ-چىقىپ يۈرۈپ، غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي ئەھۋالى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، مول ماتېرىيالغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ «فرانسىيە، ئەنگلىيە، شوتلاندىيە ۋە ئىسپانىيىنىڭ يىلنامىسى» ناملىق ئەسىرى بار. بۇ ئەسەر1325-يىلدىن باشلىنىپ 1400-يىلغىچە بولغان ۋەقەلەرنى، ئاساسلىقى ئەنگلىيە-فرانسىيىنىڭ يۈز يىللىق ئۇرۇشى ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيىلىك پائالىيەتلىرىنى بايان قىلغان؛ بۇنىڭدىن باشقا 1357 — 1358-يىللىرىدىكى پارىژ شەھەر ئاھالىسىنىڭ قوزغىلىڭى، 1358-يىلدىكى فرانسىيىدىكى جاكۇرىې قوزغىلىڭى ۋە 1381-يىلدىكى ئەنگلىيىدىكى ۋات تىلېر قوزغىلىڭى قاتارلىقلارمۇ تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن.

فرونزې

  • فرونزې[يەشمىسى:]Михэил Вэсилбевич Фрунзе، 1885 — 1925) سابىق سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ تەشكىلاتچىسى ۋە ئۇنىڭ قوماندانلىرىنىڭ بىرى. پىشپېك (Пишиек، بۇرۇنقى فرونزې شەھىرى) دىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1904-يىلى بولشېۋىكلارغا قاتناشقان. 1905-يىلدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە، ئىۋانوۋۇۋوزنېسېنسكتىكى ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنغان، ئىككى قېتىم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. 1915-يىلى سۈرگۈن قىلىنغان جايدىن قېچىپ چىقىپ، ئالدىنقى سەپتىكى ئارمىيىنىڭ ئارىسىغا بېرىپ پارتىيىنىڭ يەر ئاستى خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 1917-يىل فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن مىنسكى ۋە ۋىلنى ئۆلكىسى دېھقانلار ۋەكىللىرى سوۋېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. بېلوروسىيە ئىشچىلىرىنىڭ تۇنجى قىزىل گۋاردىيىسىگە رەھبەرلىك قىلغان ۋە ئۇنى قۇرۇپ چىققان. ئۆكتەبر ئىنقىلابى مەزگىلىدە، موسكۋا قوراللىق قوزغىلىڭىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا قاتناشقان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە شەرقىي ۋە جەنۇبىي سەپ قىزىل ئارمىيىلىرىنىڭ كولچاك ۋە ۋرانگېلنىڭ ئاق گۋاردىيە ئارمىيىلىرىنى مەغلۇپ قىلىشىغا قوماندانلىق قىلىپ، ۋولگا دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىكى رايونلارنى، ئورال، سىبىر، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قىرىمنى ئازاد قىلغان. ئىلگىرى-كېيىن روسىيە كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى (1921)، سىياسىي بيۇرو كاندىدات ئەزاسى (1924) بولغان. 1924-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى مۇئاۋىن خەلق كومىسسارى بولغان. 1925-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى خەلق كومىسسارى بولغان. ئۇنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئەسەرلىرى «فرونزې تاللانما ئەسەرلىرى» گە كىرگۈزۈلگەن.

فرېرون

  • فرېرون[يەشمىسى:]Louis Marie Stanislas Freron، 1754 — 1802)فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى سىياسىي ئەرباب. كاتولىك دىنى مۇرىتى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دادىسىنىڭ ئورنىدا «ئەدەبىيات يىللىق مەجمۇئەسى» نى نەشىر قىلدۇرغان. بۈيۈك ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، كوردېلىي (Cordeliers) كلوبىغا قاتنىشىپ، «خەلق ناتىقى گېزىتى» نى چىقىرىپ، مۇنارخست تۈزۈمىنى قاتتىق سۆككەن. 1791-يىلى 6-ئايدا، كورۇل قېچىپ كېتىپ توسۇۋېلىنغاندىن كېيىن، پادىشاھنى ئۆلتۈرۈشنى چاقىرىق قىلغان، مارس مەيدانى تەلەپ قويۇش ھەرىكىتى، ئونىنچى ئاۋغۇست قوزغىلىڭى ۋە سېنتەبر ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغىغۇچىلاردىن بىرى بولغان. 1792-يىلى خەلق ئۇيۇشمىسىغا سايلاپ كىرگۈزۈلۈپ، بىر مەزگىل تاغلىقلار تەرەپتە تۇرغان ھەمدە ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن خادىم سۈپىتىدە، تۇلون ۋە مارسېل قاتارلىق جايلارغا بارغان. مۇشۇ مەزگىلدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قىرغىنچىلىق قىلغاچقا، روبېسپېر تەرىپىدىن قايتۇرۇپ كېلىنىپ، ياكوبىنچىلار كلوبىدىن (Jacobins) قوغلاپ چىقىرىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى پىلانلاشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ياكوبىنچىلارغا قارشى تۇرىدىغان «ئالتۇن رەڭلىك ياشلار» نىڭ باشلىقى بولغان. 1799-يىل تۇمانلىق ئاينىڭ 18 ىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوللىغان. 1801-يىلى ناپولېئون تەرىپىدىن سان-دومىنگوغا ئەۋەتىلگەن. ئۇزاق ئۆتمەي شۇ يەردە ئۆلۈپ كەتكەن.

فرېدرىكسھامن شەرتنامىسى

  • فرېدرىكسھامن شەرتنامىسى[يەشمىسى:]يەنى «ھامىنا شەرتنامىسى». روسىيە ئىمپېراتورى ئالېكساندرⅠ 1808-يىل 2-ئاينىڭ 21-كۈنى فىنلاندىيىگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1809-يىل 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، روسىيە بىلەن شۋېتسىيە فىنلاندىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ھامىنا (Hamina) شەھىرى-دە (فرېدرىكسىھامن، Fredrikshamn دەپمۇ ئاتىلىدۇ) شەرتنامە ئىمزالاپ، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن، شۋېتسىيە ئالاند تاقىم ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فىنلاندىيىنى روسىيىگە رەسمىي كېسىپ بەرگەن.

فرېمان

  • فرېمان[يەشمىسى:]Fdward Augustus Freeman، 1823 — 1892) ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1884-يىلى ستۇبس (William Stubbs، 1825 — 1901) تىن كېيىن ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ پادىشاھ بېكىتكەن پروفېسسورى بولغان. بىلىمى چوڭقۇر، نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىر ئەنگلىيە سىياسىي تارىخىنى كۈچ چىقىرىپ تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ دائىم ئېيتىپ يۈرىدىغان «تارىخ — ئۆتمۈشتىكى سىياسىي، سىياسىي — بۈگۈنكى تارىخ» دېگەن سۆزى غەرب تارىخ ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھېكمەتلىك سۆزىگە ئايلىنىپ قالغان. تارىخ تەتقىقاتىدا سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە قوللانغان. ھاياتىدا ئەسەرلىرى بەكمۇ كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقلىرىدىن «نورمانلارنىڭ ئەنگلىيىنى بويسۇندۇرۇش تارىخى»، «ئەنگلىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ مۇكەممەللىشىشى»، «تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلى»، «ستسىلىيە تارىخى» قاتارلىقلار بار. بۇلاردىن باشقا «بىناكارلىق تارىخى» دېگەن ئەسىرىمۇ بار.

فرېنو

  • فرېنو[يەشمىسى:]Philip Morin Frenedu، 1752 — 1832) ئامېرىكىلىق شائىر، نيۇ-يوركتىكى ھاراق سودىگىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1771-يىلى يېڭى جېرىسېي ئىنستىتۇتى (ھازىرقى پرېستون ئۇنىۋېرسىتېتى) نى پۈتتۈرگەن. مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە داستان — «ئامېرىكىنى ئويغاتقان شان-شەرەپ» نى ئېلان قىلغان. كېيىن ئوقۇتقۇچى بولغان. 1776 — 1779-يىللىرى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بىلەن بىللە غەربىي ھىندىستان تاقىم ئاراللىرىغا چېكىنىپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەن. 1780-يىلى ئالماشتۇرۇلۇپ قويۇپ بېرىلگەن. ئىككىنچى يىلى «ئەنگلىيە تۈرمە كېمىسى» دېگەن شېئىرنى يازغان. كېيىن پوچتا ئىدارىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە شېئىر يازغان. 1784 — 1789-يىللىرى كېمىدە خىزمەت قىلغان. كېيىن تەھرىرلىك ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئىندىئانلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە تەبىئەت مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەيدىغان كۆپلىگەن قىسقا شېئىرلارنى يازغان، بۇ شېئىرلار رومانتىزىم تۈسىگە ئىگە. مەدھىيە ناخشىسى — «خۇدا، كىشىلىك ھوقۇقىنى قۇتقاز!» دا فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنى مەدھىيىلىگەن. ئامېرىكىدا «ئامېرىكا ئىنقىلابىي شائىرى» دەپ نام ئالغان. 1800-يىلدىن كېيىن يېڭى جېرسېي شتاتىدا ماكانلىشىپ قالغان، بىرنەچچە خىل شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.

فرېئۇد

  • فرېئۇد[يەشمىسى:]Sigmund Freud 1856 — 1939) ئاۋسترىيىلىك پسىخولوگ، روھىي كېسەللەر دوختۇرى، روھىي ئانالىز ئېقىمىغا ئاساس سالغۇچى. مۇراۋىيە ئۆلكىسى فرېبۇرگ (Freiburg) تىكى ئوتتۇرا مۈلۈكدار يەھۇدىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1873-يىلى ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىببىي ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋېنا تىببىي ئىنستىتۇتىدا ئىشلىگەن. 1883-يىلى ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان لېكتورى بولغان. 1885-يىلى پارىژغا بېرىپ، فرانسىيە نېرۋولوگى شاركو (Jean Martin Charcot، 1825 — 1893) دىن ئۆگەنگەن. 1906-يىلى (ۋېنا روھىي ئانالىز ئىلمىي جەمئىيىتى) ژۇرنىلىنى چىقارغاندىن باشلاپ، يىللىق مەجمۇئە، گېزىت ۋە ژۇرناللارنى نەشىر قىلغان. 1919-يىلى مەخسۇس روھىي ئانالىز ئىلمىغا دائىر كىتاب-ژۇرناللارنىلا نەشىر قىلىدىغان خەلقئارالىق نەشرىيات قۇرغان ۋە ئۇنى 1938-يىلى ناتسىستلار پېچەتلىۋەت–كەنگىچە داۋاملاشتۇرغان. 1920-يىلى ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1930-يىلى ئەدەبىياتتىكى ئىقتىدارى ئارقىسىدا، گېئوتې (Johann Wolfgang Goethe) مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. 1936-يىلى ئەنگلىيە خانلىق ئىلمىي جەمئىيىتى ئالاقىلىشىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. كېيىن لوندوندا قازا تاپقان. ئۇ كىشىلەرنىڭ پسىخىك ھالىتىنى ئاڭ ۋە يوشۇرۇن ئاڭدىن ئىبارەت ئىككى قارىمۇ قارشى بۆلەككە ئايرىپ، يوشۇرۇن ئاڭدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تۇغما خۇسۇسىيەت كىشىلەر پسىخىك ھالىتىنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى، كىشىلەرنىڭ تەقدىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى بەلگىلەيدىغان مەڭگۈلۈك كۈچ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ روھىي ئانالىز تەلىماتلىرى فرېئۇدىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «چۈش ئۆرۈش»، «روھىي ئانالىز مۇقەددىمىسى»، «روھىي ئانالىز مۇقەددىمىسىنىڭ يېڭى قىسمى» قاتارلىقلار بار.

فرېئى

  • فرېئى[يەشمىسى:]Eduardo Frei Montalva،1911 —1982) چىلى زۇڭتۇڭى، (1964 — 1970)، خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرغۇچى. كىچىك خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سانتياگو كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1933-يىلى كاتولىك ئوقۇغۇچىلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە كاتولىك ياشلار ھەرىكىتىنىڭ تەشكىلات رەئىسى بولغان. 1934-يىلى چىلى ياشلىرىغا ۋەكالىتەن رىم ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى يىغىنىغا قاتناشقان. 1935 — 1936-يىللىرى «تاراپاكا گېزىتى» (Tarapaca, IRegionde) ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1938-يىلى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىدىن ئايرىلىپ، دۆلەت ئۇزۇن مىلتىقلىقلار پارتىيىسى (1957-يىلى خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن) نى تەشكىللىگەن، 1941-يىلى بۇ پارتىيىنىڭ رەئىسى بولغان. 1940—1945-يىللىرى چىلى كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەمگەك-ئىش ھەققى قانۇنى پروفېسسورى بولغان. 1944 — 1946-يىللىرى جامائەت قۇرۇلۇشى مىنىستىرى بولغان. 1949-يىلى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.1950-يىلى ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىل بولغان. 1973-يىلى 5-ئايدا كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولغان. يەنە ئۇزاققىچە خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئىش ھەققى تۈزۈمى ۋە ئۇنى بىكار قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى»، «تېخى بىلىۋېلىنمىغان چىلى»، «سىياسى ۋە روھ»، «غايە ۋە ھەرىكەت»، «چىلى پارتىيىلىرى تارىخى» ۋە «لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ تەقدىرى» قاتارلىقلار بار.

فرىس

  • فرىس[يەشمىسى:] Ragnar Frisch، 1895 — 1973) نورۋېگىيىلىك ئىقتىسادشۇناس. ئۆلچەم ئىقتىسادشۇناسلىقىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. 1926-يىلى ئوسلو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1931-يىلى ئوسلو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. شۇ يىلى «ئۆلچەم ئىقتىسادشۇناسلىقى جەمئىيىتى» نى قۇرغان. 1933 — 1955-يىللىرى «ئۆلچەم ئىقتىسادشۇناسلىقى» ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ناتسىستلار تەرىپىدىن جازا لاگېرىغا قاماپ قويۇلغان. 1947-يىلى ب د ت نىڭ ئىقتىساد ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1965-يىلى ئوسلو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىزمىتىدىن بوشىغان. ئىقتىسادىي پىلان ۋە تەرەققىيات جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ستاتىستىكا ئاساس قىلىنغان ئۆلچەم ئىقتىسادشۇناسلىقى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1969-يىلى گوللاندىيىلىك تىنبېرگېن (Jan Tinbergen، 1903 —) بىلەن تۇنجى قېتىملىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. «ھازىرقى زامان ياۋروپا ئىقتىسادشۇناسلىقىدىكى ئاساسىي ئېقىم»، «چەت ئۈنۈمنى ئۆلچەشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

فرېدرىخⅠ

  • فرېدرىخⅠ[يەشمىسى:]1)فرېدرىخⅠ(قىزىل ساقال)(FriedrichⅠ Barbarossa، تەخمىنەن 1123 — 1190)، گېرمانىيىنىڭ كورۇلى (1152 — 1190)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1152 — 1190، 1155-يىلى تاج كىيگەن). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ئىتالىيىگە ئالتە قېتىم بېسىپ كىرگەن (1154 — 1155؛ 1158 — 1162؛ 1163؛ 1166 — 1168؛ 1174 — 1177؛ 1184 — 1186)، باي لومباردىيە شەھەرلىرىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، ئىمپېراتورنىڭ مالىيە كىرىمىنى كۆپەيتىشكە ئۇرۇنغان.1176-يىلى لېگنانو جېڭىدە لومباردىيە شەھەرلىرى بىلەن پاپانىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، 1183-يىلى«كونستانز(Konstanz) سۈلھ شەرتنامىسى» نى تۈزۈپ، لومباردىيە شەھەرلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. 1180-يىلى ساكسونىيە ۋە باۋارىيە كىنەزى ھېنرى (شىر) نىڭ خوجىلىق يېرىنى تارتىۋېلىپ، باشقا بەگلەرگە بۆلۈپ بەرگەن. 1186-يىلى ئوغلى ھېنرىغا سىتسىلىيە مەلىكىسى، تەخت ۋارىسى كونستانز (Konstanz، 1152 — 1198) نى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەرگەن. ئۈچىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپكە قاتنىشىپ شەرققە تاجاۋۇز قىلىش سەپىرىدە، كىچىك ئاسىيادا سۇغا چۆكۈپ ئۆلگەن. (2) (FriedrichⅠ، 1657 — 1713) براندېنبۇرگنىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى كىنەزى (1688 — 1701، فرېدرىخⅢ دەپ ئاتالغان)، پرۇسسىيە كورۇلى (1701 — 1713)، تەختتە تۇرغان مەزگىلدە فرانسىيىنىڭ ئوردا مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا چوقۇنۇپ، ھەدەپ بۇزۇپ چاچقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەملىكەت ئىچىدە ئىقتىسادنى ۋە مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغان. سىرتقا قارىتا، ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيىلەر بىلەن بىرلىشىپ فرانسىيىگە قارشى تۇرغان. كېيىن يەنە 1700-يىلى ئاۋسترىيە بىلەن مەخپىي شەرتنامە ئىمزالاپ، كەلگۈسىدىكى فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشتا ئاۋسترىيىگە قوشۇن يەتكۈزۈپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان، ئۇنىڭ بەدىلىگە «پرۇسسىيە كورۇلى» دېگەن نامغا ئىگە بولغان. 1701-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى كيونىگسبېرگ (Kōnigsberg)، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كالىنىنگراد شەھىرى) تا تاج كىيىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ، فرېدرىخ Ⅰ دەپ ئاتالغان، شۇنىڭدىن باشلاپ براندېنبۇرگ ئىمپېراتور سايلىغۇچى بەگلىكى پرۇسسىيە پادىشاھلىقى دەپ ئاتالغان. ئىسپانىيىنىڭ تەخت ۋارىسلىقىنى تالىشىش ئۇرۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، زېمىنىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، پرۇسسىيىنىڭ ياۋروپا زومىگەرلىكىنى تالىشىشىغا ئاساس سالغان.

فرېدرىخⅡ

  • فرېدرىخⅡ[يەشمىسى:]1) (ⅡFriedrich، 1194 — 1250). سىتسىلىيە كورۇلى (1198 — 1250)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1215 — 1250؛ 1220-يىلى تاج كىيگەن). ئىمپېراتور ھېنرى Ⅵ بىلەن سىتسىلىيە مەلىكىسى، تەخت ۋارىسى كونستانزنىڭ ئوغلى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، گېرمان دىنىي ۋە دەھرىي بەگلەرنىڭ ئۆز خوجىلىق يېرىدە مەمۇرىي، ئەدلىيە ۋە مالىيە قاتارلىق ھەر خىل ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويغان ھەمدە شەھەرلەرنىڭ خوجىلىق يەر ئىگىلىرىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزۈشىنى مەنئى قىلغان؛ سىتسىلىيە پادىشاھلىقىدا ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويغان، مۇسۇلمانلاردىن دائىمىي ياللانما قوشۇن ئېلىپ، قۇدرەتلىك دېڭىز فلوتى قۇرۇپ، بىدئەتچىلەر ھەرىكىتىنى باستۇرغان. يەنە پۈتكۈل ئىتالىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما پاپانىڭ ۋە ئىتالىيىدىكى كۆپ قىسىم شەھەرلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1228 — 1229-يىللاردا ئەھلىسەلىپنىڭ 6-قېتىملىق شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلغان. (2) (FriedrichⅡ، 1712 — 1786). پرۇس-سىيىنىڭ كورۇلى (1740 — 1786). تارىختا «ئىمپېراتور فرېدرىخ» دەپ ئاتالغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە «تەرەققىيپەرۋەر مۇستەبىتلىك» نى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ھەربىي بيۇروكرات مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقىنى نىقابلىغان. مالىيە ۋە ئەدلىيىنى تەرتىپكە سېلىپ، بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. ھەربىي جەھەتتە دادىسى فرېدرىخ ۋىلھېلم Ⅰ نىڭ كونا تۈزۈمىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيىسىنى 200 مىڭ كىشىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن. كۆپ قېتىم تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، زېمىنىنى كېڭەيتكەن، ئاۋسترىيىنىڭ تەخت ۋارىسلىقىنى تالىشىش جېڭىدە (1740 — 1748) ئاۋسترىيىن-ى مەغلۇپ قىلىپ، سىلىتسىيە (Silesia) نى تارتىۋالغان؛ كېيىن يەنە يەتتە يىللىق ئۇرۇش (1756 — 1763) ۋە باۋارىيىنىڭ تەخت ۋارىسلىقىنى تالىشىش ئۇرۇشى (1778 — 1779) غا قاتنىشىپ، پرۇسسىيىنىڭ ياۋروپادىكى ئورنىنى كۈچەيتكەن؛ 1772-يىلى روسىيە ۋە ئاۋسترىيىلەر بىلەن بىرلىكتە پولشانى بىرىنچى قېتىم بۆلۈشۈۋېلىپ، تۆۋەنكى ۋىسىۋا دەرياسى ۋادىسىدىكى غەربىي پرۇسسىيىنى ئىشغال قىلىپ، پومېرانىيە بىلەن شەرقىي پرۇسسىيىنى تۇتاشتۇرۇپ، بىر پۈتۈن رايونغا ئايلاندۇرغان. 1786-يىلى يەنە شىمالىي قىسىم ۋە ئوتتۇرا قىسىمدىكى ھەرقايسى گېرمان ئەللىرىنىڭ كورۇللىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى «بەگلىكلەر ئىتتىپاقى» نى تەشكىل قىلىپ، ئاۋسترىيىگە زەربە بېرىپ، پرۇسسىيىنىڭ گېرمانىيە دائىرىسىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتكەن.

فرېدرىخⅤ

  • فرېدرىخⅤ[يەشمىسى:]FriedrichⅤ، 1596—1632)، گېرمانىيىدىكى پفالز (پالاتىنات) ئىمپېراتور سايلىغۇچى بېگى(1610—1623). ئەنگلىيە كورۇلى يامىس Ⅰ نىڭ كۈيئوغلى. كالۋىن دىنىنىڭ مۇرىتى . 1610-يىلى دادىسى فرېدېرىك Ⅳ نىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ پروتېستانت ئىتتىپاقىنىڭ سەردارى بولغان. 1619-يىلى چېخىيە كورۇلى قىلىپ كۆتۈرۈلگەن. 1620-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى چېخىيە قوشۇنى ئاق تاغ جېڭىدە كاتولىك ئىتتىپاقىنىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، گوللاندىيىگە قېچىپ كەتكەن. پفالزنى ئىسپانىيە ئىشغال قىلىۋالغان. 1623-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى فېردىناند Ⅰ ئۇنىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى بەگلىك ئۇنۋانىنى تارتىۋېلىپ، باۋارىيە كىنەزى ماكسىمىليان Ⅰ غا بەرگەن.

فرېدرىخ ۋىلھېلم

  • فرېدرىخ ۋىلھېلم[يەشمىسى:]Friedrich Wilhelm ،1620—1688)، براندېنبۇرگ سايلىغۇچى كىنەز (1640 — 1688)، براندېنبۇرگ-پرۇسسىيە ھوقۇق مەركەزلەشكەن ھەربىي دۆلىتىگە ئاساس سالغۇچى. تەختكە چىققاندىن كېيىن 30 يىللىق ئۇرۇشنىڭ جاراھەتلىرىنى ساقايتىشقا تىرىشىپ، سودىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان سىياسەت يۈرگۈزگەن، سودا-سانائەت بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىپ، سودىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، پۇل تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، قانال قازدۇرغان، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى مۇكاپاتلاپ رىغبەتلەندۈرگەن، فرانسىيىدىن قېچىپ كەلگەن خۇگۇئېنوتس مۇرىتلىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىشىگە يول قويغان ھەمدە ئارمىيىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ، دائىمىي ئارمىيە قۇرغان، شۋېتسىيە، پولشا، دانىيە ۋە روسىيىلەرنىڭ بالتىق دېڭىزىدىكى رىقابىتىدىن پايدىلىنىپ، زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. 1648-يىلى «ۋېستفالىيە سۈلھ شەرتنامىسى» گە ئاساسەن، پومېرانىيىنىڭ بىر قىسىم زېمىنىغا ئىگە بولغان ھەمدە 1657-يىلى پرۇسسىيىنى پولشاغا بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، براندېنبۇرگقا قارايدىغان قىلغان؛ فرانسىيە-گوللاندىيە ئۇرۇشى (1672 — 1678) مەزگىلىدە، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ براندېنبۇرگ-پرۇسسىيە دۆلىتىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتكەن.

فرېدرىخ ۋىلھېلمⅠ

  • فرېدرىخ ۋىلھېلمⅠ[يەشمىسى:]Friedrich WilhelmⅠ،1688 — 1740)، پرۇسسىيە كورۇلى (1713—1740). فرېدرىخ Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، پرۇسسىيىنىڭ بيۇروكرات ھەربىي ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى كۈنسايىن كۈچەيگەن. يۇنكىر ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە زېمىنىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ياللانما ئەسكەر تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، قوراللىق كۈچنى تولۇقلىغان، ئارمىيىنىڭ ئادەم سانىنى 80 مىڭدىن ئاشۇرۇپ، ياۋروپادىكى ھەربىي كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. خەلققە ۋە ئەسكەرلەرگە شەپقەتسىز «كالتەك» سىياسىتىنى يولغان قويۇپ، بارلىق ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارىغان ھەمدە مەركىزىي باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى كۈچەيتكەن. ئارمىيىنىڭ غايەت زور چىقىمىغا خىراجەت يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە خەزىنە كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، خەلقتىن ئېغىر باج ئالغان ۋە چېگرا بېجىنى مۇھاپىزەت قىلىش سىياسىتىنى قوللانغان. سىرتقا قارىتا، 1713-يىلى «ئۇترېخت سۈلھ شەرتنامىسى» ۋە 1720-يىلى «ستوكھولىم سۈلھ شەرتنامىسى» ئارقىلىق، پۇمېرانىيىنىڭ بىر قىسمى قاتارلىق جايلارنى قولغا كىرگۈزۈپ، پرۇسسىيە زېمىنىنى يەنىمۇ كېڭەيتكەن.

فرېدرىخ ۋىلھېلمⅡ

  • فرېدرىخ ۋىلھېلمⅡ[يەشمىسى:]Friedrich WilhelmⅡ، 1744—1797). پرۇسسىيە كورۇلى (1786—1797). فرېدرىخ ۋىلھېلم Ⅰ نىڭ نەۋرىسى، فرېدرىخ Ⅱ(ئىمپېراتور فرېدرىخ) نىڭ جىيەنى. 1758-يىلى تەخت ۋارىسى قىلىپ بەلگىلەنگەن. 1786-يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن، مەملىكەت ئىچىدە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى جېنىنىڭ بارىچە كۈچەيتىپ، ئاقارتىش ئىدىيىسىگە قارشى تۇرغان. 1788-يىلى يەنە گېزىت-ژۇرنال ۋە كىتابلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغان قويغان ھەمدە دىنىي كەڭچىلىك سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلىگەن. سىرتقا قارىتا، فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىغا دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان. 1790-يىلى 7-ئايدا ئاۋسترىيە بىلەن «رېخېنباخ كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، فرانسىيە قارشى ئىتتىپاقنىڭ ئۇلىنى قۇرغان.1791-يىلى 8-ئايدا ئاۋسترىيە ئىمپېراتورى لېئوپولد Ⅱ بىلەن بىرلىكتە فرانسىيە ئىنقىلابىغا قوراللىق مۇداخىلە قىلىدىغان «پىللىنتز خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقنى ئۇيۇشتۇرغان. 1793 — 1795-يىللىرى ئىككىنچى قېتىملىق ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق پولشانى بۆلۈۋېلىشقا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغان. 1793-يىلى ئەنگلىيە ئۇيۇشتۇرغان فرانسىيىگە قارشى بىرىنچى قېتىملىق ئىتتىپاققا قاتناشقان. 1795-يىلى ھەربىي جەھەتتە ئۇدا مەغلۇپ بولغانلىقى ۋە پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە زىددىيىتى چوڭقۇرلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۆز ئالدىغا فرانسىيە بىلەن «باسېل سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، فرانسىيىگە قارشى بىرىنچى قېتىملىق ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىققان.

فرېدرىخ ۋىلھېلمⅢ

  • فرېدرىخ ۋىلھېلمⅢ[يەشمىسى:]Friedrich Wilhelm Ⅲ، 1770 — 1840) پرۇسسىيە كورۇلى (1797 — 1840). فرېدرىخ ۋىلھېلم Ⅱ نىڭ ئوغلى. تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە فرانسىيە بىلەن روسىيە ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ، ھوھېنزوللېرن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچىنىڭ بارىچە ساقلاپ قالغان. 1806-يىلى فرانسىيىگە قارشى تۆتىنچى قېتىملىق ئىتتىپاققا قاتنىشىپ، يېنا جېڭى قاتارلىقلاردا قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان، فرانسىيە قوشۇنى ئۇدۇل بېرلىنگە بېسىپ كىرگەن. 1807-يىلى 6-ئايدا فرانسىيە بىلەن «تىلىست سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، ئىلبا دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ھەممە زېمىنىدىن ئايرىلغان ھەمدە فرانسىيىگە بېقىندى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. 1807 — 1814-يىللاردا ستېيىن ۋە ھاردېنبېرگلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىغا، شارنخورست ۋە گېنسىناۋلارنىڭ ھەربىي ئىسلاھاتىغا قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولغان. ناپولېئون روسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 1813-يىلى روسىيە بىلەن شەرتنامە تۈزۈپ، فرانسىيىگە قارشى ئالتىنچى قېتىملىق ئىتتىپاققا قاتناشقان ھەمدە غەلىبىگە ئېرىشكەن. 1814-يىلى ۋېنا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پرۇسسىيىنىڭ ئەسلى چېگرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ساكسونىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى، ۋىستفالىيە ۋە رېين رايونىنى يۇتۇۋالغان. 1815-يىلى مۇقەددەس ئىتتىپاققا قاتنىشىپ، ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرغان. كېيىن مەملىكەت ئىچىدىكى فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىشقا كۈچىگەن.

فرېدرىخ ۋىلھېلمⅣ

  • فرېدرىخ ۋىلھېلمⅣ[يەشمىسى:]Friedrich WilhelmⅣ ، 1795 — 1861) پرۇسسىيە كورۇلى(1840—1861). فرېدرىخ ۋىلھېلم Ⅲ نىڭ ئوغلى. تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە، مەملىكەت ئىچىدە ئۆكتىچىلەر كۈنسايىن جانلىنىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئومۇمىي كەچۈرۈم ئېلان قىلىشقا ۋە كىتاب، گېزىت-ژۇرناللارنى تەكشۈرۈشنى بوشاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان، ئەمما فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى جېنىنىڭ بارىچە كۈچەيتكەن. سىياسىي ۋە مالىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 1847-يىلى 4-ئايدا «بىرلەشمە پارلامېنت» نى ئاچقان بولسىمۇ، بۇرژۇئازىيىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان، شۇ يىلى 6-ئايدا پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، گېرمانىيە ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشىنى تېزلەتكەن. 1848-يىلى، بېرلىن مارت ئىنقىلابىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، كىتاب، گېزىت-ژۇرناللارنى تەكشۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان؛ «بىرلەشمە پارلامېنت» نى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈشكە، پادىشاھلىق-ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدىكى فېدېراتىپ دۆلەت قۇرۇشقا ۋەدە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشنى پائال پىلانلىغان ھەمدە شۇ يىلى 11-ئايدا ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 12-ئايدا «پادىشاھ تۈزگەن ئاساسىي قانۇنى» نى ئېلان قىلىپ، ئۈچ دەرىجىلىك سايلام تۈزۈمىنى يولغا قويغان. 1849-يىلى 3-ئايدا فرانكفورت مىللىي پارلامېنتى تۈزگەن ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى ۋە ئۆزىگە بېرىلگەن گېرمانىيە ئىمپېراتورى دېگەن نامنى رەت قىلىپ، ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ كىنەزلىرىنى يىغىپ، ئىنقىلابنى باستۇرغان ھەمدە شۇ يىلى 5-ئايدا پرۇسسىيە باشچىلىقىدىكى «ئۈچ كورۇل ئىتتىپاقى» نى قۇرۇپ، گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولىغا كىرگۈزۈۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نەتىجىسى چىقمىغان. 1853-يىلى چېگرا بېجى ئىتتىپاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، گېرمان بەگلىكلىرىنىڭ تولىسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتە پرۇسسىيە ئەتراپىغا بىرلەشتۈرگەن. 1857-يىلى روھىي كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ، ئۇكىسى شاھزادە ۋىلھېلم (1861-يىلى تەختكە چىقىپ، ۋىلھېلم Ⅰ دەپ ئاتالغان) نائىبلىق قىلغان.

فرېدېرىكⅣ

  • فرېدېرىكⅣ[يەشمىسى:] Frederik Ⅳ، 1671—1730)، دانىيە-نورۋىگىيە كورۇلى (1699 — 1730). خرىستىئان Ⅴ نىڭ ئوغلى. 1700-، 1709—1720-يىللىرى شىمال ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، روسىيە ۋە پولشا بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ شۋېتسىيە بىلەن سوقۇشقان. 1721-يىلى سۈلھ تۈزۈپ، جەنۇبىي يوتلاندىيىنىڭ گوتتورپ (Gottorp) رايونىغا ئىگە بولغان. پروتېستانت دىنىنىڭ لۇتېر مەزھىپىدىكى پېتىست مەزھىپى مۇرىتلىرىغا يول ئېچىپ بېرىشكە ئەھمىيەت بەرگەن، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان: گرېگورې كالېندارى (يەنى ھازىر قوللىنىلىۋاتقان مىلادىيە كالېندارى) نى كىرگۈزگەن؛ يانچىلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان (1702)؛ يېزا خەلق ئەسكەرلىرى (1701) ۋە ئاتلىقلار مەكتىپىنى، پادىشاھلىق يېتىم بالىلار مەكتىپىنى قۇرغان.

فرېدېرىكⅥ

  • فرېدېرىكⅥ[يەشمىسى:]Frederik Ⅵ، 1768 — 1839)، دانىيىنىڭ كورۇلى (1808 — 1839)، نورۋىگىيە كورۇلى(1808—1814)، 1784-يىلى ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشى ياساپ، ئاغرىپ ياتقان دادىسى كرىستىپان Ⅶ (Christian Ⅶ، 1749 — 1808) نىڭ ئورنىدا ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن. 1808-يىلى رەسمىي تەختكە چىققان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، كىشىلىك ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ۋە دېھقانلارنى قوغدايدىغان ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان ھەمدە پادىشاھلىق ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتكەن. سىرتقا قارىتا، دەسلەپتە بىتەرەپ سىياسەت قوللانغان، كېيىن ناپولېئوننى قوللاپ ئەنگلىيىگە قارشى تۇرغان. 1814-يىلى نورۋىگىيىنى شۋېتسىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1834-يىلى ياۋروپا ئىنقىلابىي ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئۆلكىلىك مەسلىھەت كېڭىشىنى قۇرغان، ئۇ، دانىيە پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان.

فلاسئۇس

  • فلاسئۇس[يەشمىسى:]Matthias Flacius، 1520 — 1575) گېرمانىيىلىك پروتېستانت تارىخچى. ئالبونا (Albona، ھازىرقى يۇگوسلاۋىيە ئىستىرىيە يېرىم ئارىلىدىكى لابىن [Labin]) دا تۇغۇلغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ۋېنىتسىيە، بازىل ۋە ۋىتتېنبېرگ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئوقۇغان. مارتىن ليۇتېرنىڭ تەسىرى بىلەن پروتېستانت مۇرىتى بولغان. 1544 — 1549-يىللىرى ۋىتتېنبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېبرىي تىلى پروفېسسورى بولغان. 1557 — 1561-يىللىرى بىر مەزگىل يېنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. بىر ئۆمۈرلۈك كۈچىنى سەرپ قىلىپ، ئالتە نەپەر ئالىم بىلەن بىرگە «ماگدېبۇرگ تارىخى» نى يېزىپ چىققان. بۇ كىتاب جەمئىي 13 توم بولۇپ، خرىستوسنىڭ تۇغۇلغىنىدىن باشلاپ 1300-يىلغىچە بولغان خرىستىئان دىنىي ئەقىدىلىرى بىلەن خرىستىئان چېركاۋلالىرىنىڭ تارىخىنى پروتېستانتچىلار تىئولوگىيىلىك نۇقتىئىنەزەرى بويىچە بايان قىلغان. كىتاب يۈز يىلنى بىر توم قىلغاچقا «ئەسىرلەر تارىخى» دەپ ئاتالغان.

فلامىنىئوس

  • فلامىنىئوس[يەشمىسى:]Gaius Flaminius، مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 217) قەدىمكى رىم سىياسىئونى ۋە قوماندانى. مىلادىدىن 232 يىل ئىلگىرى ترىبۇن (tribuni) لىققا تەيىنلەنگەن، گاللىيە-سېنونېسلار (Senones)رايونى (رۇبىكون دەرياسىنىڭ جەنۇبىي)نى مۇستەملىكە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گاللىيە خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. مىلادىدىن 223 يىل ئىلگىرى كونسۇل بولۇپ، ئالىپ تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيىنى بويسۇندۇرۇش پىلانىنى يۈرگۈزگەن ۋە ئورۇندىغان؛ پو (po ياكى padus)دەرياسى ئېقىمى رايونلىرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، يېڭى مۇستەملىكە رايونلىرىنى قۇرغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رىم كۆچمەنلىرىدىن ھەربىر ئائىلىگە 30 جۇگېرۇم (Jugerum) (بىر جۇگېرۇم تەخمىنەن [SX(]1[]4[SX)] گېگتارغا تەڭ كېلىدۇ) يەر بۆلۈپ بەرگەنمىش؛ فلامىنىئوس چوڭ تىياتىرخانىسى ۋە فلامىنىئوس چوڭ يولى (رىم شەھىرىدىن ئۇمېرىيا نىڭ شەرقىدىكى دېڭىز قىرغىقىغىچە بارىدۇ) نى ياسىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سېنتۇرىيە (Centuria) يىغىن ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىپ، سېنتۇرىيىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، ھەرقايسى تەبىقىلەرنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى پەرقىنى ئازايتقان. ئىككىنچى قېتىملىق پونى (poeni ياكى Пунйческие) ئۇرۇش (مىلادىدىن ئىلگىرى 218 — 201) دا قايتا كونسۇل(مىلادىدىن 217 يىل ئىلگىرى) بولغان. شۇ يىلى 6-ئايدا، تراسمېنۇ (Trasimenus) كۆلىنىڭ بويىدا تۆت جۈنتۈەننىڭ 30 مىڭغا يېقىن ئادىمىنى باشلاپ گاننىبالغا قارشى جەڭ قىلغان، ئۇنىڭ پىستىرمىسىغا چۈشۈپ قېلىپ، پۈتۈن ئارمىيىسى دېگۈدەك گۇمران بولۇپ، ئۆزىمۇ ھالاك بولغان.

فلاندېرس

  • فلاندېرس[يەشمىسى:]Flanders) فلاندىرىيە دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىپ كەلگەن. غەربىي ياۋروپادىكى تارىخىي يەر نامى بولۇپ، ھازىرقى بېلگىيىنىڭ شەرقىي، غەربىي فلاندىر ئۆلكىسى ۋە فرانسىيىنىڭ نورد (Nord) ئۆلكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ باشلىرى فرانك پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن. مىلادى 843-يىلدىكى «ۋېردىن شەرتنامىسى» غا بىنائەن كۆپ قىسمى غەربىي فرانكقا تەۋە بولغان. ⅠⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا گرافلىققا ئايلىنىپ، فرانسىيە كورۇلىغا بېقىنىپ كەلگەن. ئۇ يەردە سودا-سانائەت تەرەققىي تاپقان. 1302-، 1337-ۋە 1382-يىللىرى بەزى شەھەرلىرىدە گراف ۋە فرانسىيە كورۇلىغا قارشى قوزغىلاڭ پارتلىغان. 1384-يىلى بۇرگۇندىيە گرېتسوگلىققا تەۋە بولغان. 1477-يىلى ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئۆتكەن. 1556-يىلى ئىسپانىيىگە قاراشلىق نىدېرلاندىيىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.

فلاندىن

  • فلاندىن[يەشمىسى:]Pierre-Flandin Etienne، 1889 — 1958) فرانسىيە زۇڭلىسى (1934 — 1935). دەسلەپ ئادۋوكات بولغان. 1914-يىلدىن تارتىپ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1922-يىلى خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە جەمئىيىتىنىڭ فرانسىيە ۋەكىلى بولۇپ تۇرغان. سودا مىنىستىرى (1924، 1929 — 1930)، مالىيە مىنىستىرى (1931 — 1932)، جامائەت ئىشلىرى مىنىستىرى (1934)، دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى (1935 — 1936)، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1936) قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. گېرمانىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرىنىڭ ياۋروپادىكى تاجاۋۇزىغا يول قويۇش سىياسىتىنى تۇتقان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تۇرغاندا، گېرمانىيىنىڭ رېين رايونىنى بېسىۋېلىشىغا يول قويغان. 1938-يىلى «ميۇنخېن كېلىشىمى»نى ئىمزالاشنى قوللىغان.1940 — 1941-يىللىرى ۋىيشى (Vichy) ھۆكۈمى-تىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن سوتقا تارتىلغان (1946)، كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭ«1919— 1940-يىللاردىكى فرانسىيە سىياسىتى» ناملىق ئەسىرى بار.

فلاۋى سۇلالىسى

  • فلاۋى سۇلالىسى[يەشمىسى:]ئالدىنقى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىككىنچى سۇلالىسى (69 — 96). كلائۇدى(Claudius) سۇلالىسىدىن كېيىن، ۋېسپا سىئانۇس (Tiuts Flavius Vespasianus) قۇرغان؛ ۋېسپاسىئانۇس فلاۋى (Flavius) جەمەتىدىن بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. سۇلالە مەزگىلىدە، داۋاملىق تۈردە ھەربىي ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، رىتسارلار ھەمدە ئۆلكىلەردىكى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنى سېناتقا قاتناشتۇرغان شۇنداقلا رىم پۇقرالىق ھوقۇقىنى كېڭەيتكەن. رىم قاتارلىق شەھەرلەردە كولوسسېئۇم (Colosseum) سېرك مەيدانى قاتارلىق بەزى قۇرۇلۇشلارنى سالدۇرغان، پەلەستىندىكى يەھۇدىيلار قوزغىلىڭىنى دەھشەتلىك باستۇرۇپ، ئېرۇسالىم شەھىرىنى ۋەيران قىلغان (70-يىلى). دۇناي دەرياسى تۆۋەن ئېقىمىنىڭ شىمالىدىكى داكىيە (ھازىرقى رۇمىنىيىنىڭ ئەتراپى) گە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، مەغلۇپ بولۇپ، ئاھانەتلىك سۈلھ شەرتنامە ئىمزالىغان (تەخمىنەن 90-يىلى). خرىستىئانلارغا زىيانكەشلىك قىلغان. 79-يىلى 8-ئايدا ۋېزۇۋىي (Vesuvius) يانار تېغى (كامپانىيەدە) ( Campania) تۇنجى قېتىم پارتلاپ، پومپېيى (Pompeius) قاتارلىق شەھەرلەرنى كۆمۈۋەتكەن. بۇ سۇلالىنىڭ ئۈچ ئىمپېراتورى بولغان، بۇلار ۋېسپا-سىئانۇس (69—79)، تىتۇس (Titus vespa Sianus،79—81)، دومىتىئانۇس (Titus Flavius Domitianus، 81 — 96)لار. كېيىن ئانتونى سۇلالىسى ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن.

فلورېس

  • فلورېس[يەشمىسى:]Juan Jose Flores، تەخمىنەن 1800—1864) ئېكۋادور زۇڭتۇڭى (1830 — 1835، 1839—1845). ھازىرقى ۋېنېسۇئېلانىڭ كابېللو (Cabello) پورتىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1830-يىلى ئېكۋادورنىڭ بۈيۈك كولومبىيىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، بىرىنچى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ بولغان. 1839-يىلى يەنە بىر قېتىم سايلانغان ھەمدە كاتولىك چېركاۋلىرى ۋەكىللىكىدىكى كونسېرۋاتىپلارغا تايىنىپ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. 1843-يىلى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلغان. 1845-يىلى ئاغدۇرۇلۇپ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. ئىسپانىيىگە تايىنىپ، مەملىكەت ئىچىدە پادىشاھلىق سىياسىي تۈزۈمىنى ئورناتماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان.1860-يىلى يەنە قايتىدىن ئارمىيىنىڭ باشلىقى بولۇپ، كونسېرۋاتىپلارنىڭ ھاكىمىيەتنى قورال كۈچى بىلەن تارتىۋېلىشىغا ياردەملەشكەن.

فلورېنس

  • فلورېنس[يەشمىسى:]Gustave Flourens، 1838 — 1871) فرانسىيىلىك ئېتنولوگ ۋە سىياسىي ئوبزورچى. 1871-يىلى پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1863-يىلى دادىسىنىڭ ئورنىدا فرانسىيە ئىنستىتۇتىدا ئېتنولوگىيىدىن لېكسىيە سۆزلىگەن. ئىككىنچى يىلى دىنىي ھوقۇقدارلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئەنگلىيە ۋە بېلگىيىلەردە سەرگەردان بولغان. 1866 — 1868-يىللىرى كىرىت ئارىلىدىكى گرېتسىيىلىكلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ئارال مىللىي پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان. 1868-يىلى پارىژغا قايتىپ كەلگەن، كېيىن كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. 1870-يىلى 2-ئايدا، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، گوللاندىيىگە قېچىپ كەتكەن، كېيىن ئەنگلىيىگە كېلىپ، لوندوندا ماركس بىلەن تونۇشقان. 1870-يىلى تۆتىنچى سېنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، خەلق قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ باتالېئون كوماندىرى بولغان، 1870-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋە 1871-يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى قوزغىلاڭلىرىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان. 1871-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، پارىژ ئىشچىلىرى قوزغىلىڭىدىن كېيىن، خەلق قوغدىنىش ئارمىيىسى 20-بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ قوماندانى ۋە كوممۇنا ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 4-ئاينىڭ 3-كۈنى قوشۇننى باشلاپ، ۋېرسالغا يۈرۈش قىلغاندا، ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، ئۆلتۈرۈلگەن. «ئادەملەرنىڭ تارىخى»، «ئوتېفېرىدى»، «ساتقىنلىق قىلىنغان پارىژ» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

فلورېنسىيە جۇمھۇرىيتى

  • فلورېنسىيە جۇمھۇرىيتى[يەشمىسى:][佛ⅩⅥ — ⅩⅡ罗伦萨共和国] ئەسىرلەردە ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شەھەر دۆلىتى. ئارنو (Arno) دەرياس-ى بويىغا جايلاشقان. ئەسلى قەدىمكى رىمنىڭ بىر شەھەر بازىرى بولغان. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرى شەرقىي گوتلارغا قارام بولغان. مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا لومباردىيىلىكلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇۋېلىنغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرى فرانك پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېلىنغان. 1115-يىلى مۇستەقىل شەھەر جامائەسى بولۇپ قۇرۇلغان. سودا، قول سانائەت، بولۇپمۇ يۇڭ توقۇمىچىلىقى تەرەققىي تاپقان، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىمۇ خېلى گۈللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قۇيۇپ چىققان مېتال پۇلى فلورىن ياۋروپادا ئوبوروت قىلىنغان. دەسلەپ ھاكىمىيەتنى ئاقسۆڭەكلەر ئىگىلىۋالغان بولۇپ، 1293-يىلىدىن باشلاپ كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەن. «ئادالەت قائىدە نىزامى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، چوڭ كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يەتتە نەپەر ۋەكىلى ۋە ئوتتۇرا-كىچىك كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىككى نەپەر ۋەكىلىدىن تەركىب تاپقان مۆتىۋەرلەر كېڭەشمىسى ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى قىلىنغان. ئۇنىڭ باشلىقى «ئادالەت بايراقدارى» دەپ ئاتالغان. ⅩⅣ ئەسىردە يۇڭ توقۇمىچىلىقى قاتارلىق كەسىپلەر ئىچىدە كاپىتالىزم بىخلانغان. 1378-يىلى مويكا ئىشچىلىرى قوزغىلىڭى پارتلىغان، بۇ تارىختىكى ياللانما ئىشچىلارنىڭ مانافاكتورا (ئىشخانا) خوجايىنلىرىغا قارشى تۇنجى قېتىملىق قوزغىلىڭى. 1434-يىلى مېدىچ (Medici) جەمەتى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، تىران ھاكىمىيىتىنى بەرپا قىلىپ، فلورېنسىيىنىڭ تاجىسىز خاقانىغا ئايلانغان. مېدىچ جەمەتى مەدەنىيەتكە رىغبەتلەندۈرۈپ، فلورېنسىيىنى ئىتالىيىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇرغان. 1494 — 1498-يىللىرى، ساۋونارولا (Savonarola) رەھبەرلىكىدىكى ئاددىي خەلق قوزغىلىڭى پارتلىغاندا، باستۇرۇۋېتىلگەن. يېڭى دېڭىز يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، ياۋروپا سودا يولى ۋە سودا مەركىزىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىغا يۆتكىلىشى بىلەن، فلورېنسىيىنىڭ سودا-سانائەت ئىشلىرى پەيدىنپەي چۈشكۈنلەشكەن. 1532-يىلى فلورېنسىيە كىنەزلىكىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1569-يىلى مېدىچ جەمەتى چوڭ كىنەز ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، توسكانا كىنەزلىكىنى قۇرغان. 1739-يىلىدىن باشلاپ ئاۋسترىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان. 1860-يىلى ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا بىرلەشتۈرۈۋېلىنغان. ئىككىنچى يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.

فلورىن

  • فلورىن[يەشمىسى:]Florin) 1252 — 1533-يىللاردىكى ئىتالىيە فلورېنسىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان تىللا نامى. ھەربىرىنىڭ ئېغىرلىقى 5.3 گرام بولۇپ، ئوڭ تەرىپىدە پىيازگۈل، ئارقا تەرىپىدە سائىنت-جوننىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. بۇ پۇل ياۋروپادا ئىشلىتىلگەن. ئەنگلىيە كورۇلى ئىدۋارد Ⅲ تەختتىكى مەزگىلىدە، 1343-يىلى تەقلىد فلورىن قۇيدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 7 گرام، بۇنىڭدىن باشقا 3/1 ۋە 4/1 لىق فلورىننىمۇ قۇيدۇرغان؛ 1849-يىلغا بارغاندا ئوبوروت قىلىشتىن توختىتىلغان. گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە نىدېرلاندىيىدىمۇ تەقلىد فلورىن پۇلى قۇيۇلغان. ئالتۇن فلورېندىن باشقا فلورېنسىيە، ئەنگلىيىدە يەنە كۈمۈش فلورىن قۇيدۇرۇلغان.

فلۇبېر

  • فلۇبېر[يەشمىسى:]Gustave Flaubert، 1821 — 1880) فرانسىيىلىك تەنقىدىي رېئالىزمچى يازغۇچى. رۇئانلىق بىر دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پارىژدا قانۇن ئۆگەنگەن.كېسەل بولۇش تۈپەيلىدىن ئوقۇشتىن توختىغان. كېيىن رۇئانغا قايتىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1857-يىلى تۇنجى رومانى «بوۋارى خانىم» نى ئېلان قىلىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلىكىنى پاش قىلغان ۋە تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭدا ئاپتورنىڭ كاپىتالىزمنىڭ «گۈللەنگەن» دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقىغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. شۇڭا ھۆكۈمەت بۇ كىتابنى «ئۆرپ-ئادەتكە مۇخالىپ» دەپ قاراپ، ئۇنى ئەرز قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن تارىخىي تېمىدىكى ئىجادىيەتكە كىرىشىپ كەتكەن. شەرققە ۋە ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى رايونلىرىغا كۆپ قېتىم بېرىپ ساياھەت قىلغان. 1862-يىلى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىكى كارفاگېن ياللانما قوشۇنى بىلەن خەلق قوزغىلىڭىنى تەسۋىرلەيدىغان تارىخىي رومان «ساراڭپو» نى ئېلان قىلغان. 1869-يىلى ئۈچىنچى رومانى «ھېسسىيات تەربىيىسى» نى ئېلان قىلغان. ئۇ،1848-يىلدىكى فرانسىيە ئىنقىلابىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئوبرازلىق يىلنامە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پارىژ كوممۇناسىغا قارشى تۇرغان. خەت-چەكلەر توپلىمى ۋە ئەسەرلىرى بار.

فلېمىن

  • فلېمىن[يەشمىسى:]Alexander Fleming، 1881 — 1955) ئەنگلىيىلىك باكتېرىئولوگ، پېنتسىللىننى كەشپ قىلغۇچى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باكتېرىئولوگىيە پروفېسسورى ۋە رات-فلېمىن تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى. ياش ۋاقتىدا سان مارى دوختۇرخانىسىنىڭ تىببىي ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1922-يىلى مەلۇم ئۆسۈملۈك بىلەن ھايۋان ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقتىن باكتېرىيە يوقىتالايدىغان بىر خىل ماددىنى تېپىپ، بۇنى لىزوزىما دەپ ئاتىغان. 1928-يىلى يەنە ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسىنى يېتىشتۈرىدىغان قاچىدىن، زەمبۇرۇغ بىلەن بۇلغانغان جاينىڭ ئەتراپىدا ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىلىرىنىڭ يوقلۇقىنى سەزگەن، بۇ زەمبۇرۇغنىڭ ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسىنى يوقىتىدىغان ياكى ئۇنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر خىل ماددىنى ئاجرىتىپ چىقىرالايدىغانلىقىنى نامايان قىلغان. ئۇ بۇ خىل ماددىنى «پېنتسىللىن» دەپ ئاتىغان. 1945-يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى تىببىي پەن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «پېنتسىللىن — ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىشى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

فلىك گۇرۇھى

  • فلىك گۇرۇھى[يەشمىسى:]فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ مونوپول كاپىتال گۇرۇھى. ئاپتوموبىل ۋە دۋىگاتېل ياساش سانائىتىنى ئاساس قىلغان. فېدرىخ فلىك (Friedrich Flick، 1883—1872) بۇ گورۇھنىڭ قۇرغۇچىسى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە، كۆمۈر، پولات-تۆمۈر، ئېلېكتر، خىمىيە ۋە ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. فاشىستلار ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە، ناتسىستلار پارتىيىسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئۇلارنى 20 مىليون ماركتىن كۆپرەك ئىقتىسادىي خىراجەت بىلەن تەمىنلىگەن. گىتلېر ھاكىمىيىتىنىڭ يەھۇدىيلارنى يەكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ يەھۇدىيلارنىڭ مال-مۈلكىنى كەڭ كۆلەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان. فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىشى ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن ھەربىي تەييارلىقلارنى ھازىرلاپ بېرىپ، قارىمىقىدىكى 55 كارخانىنىڭ ھەممىسىنى ھەربىي قورال-ياراق ئىشلەشكە سالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، غايەت زور تىپتىكى كارخانىدىن 132 سى بولۇپ، جۇغلانما مەبلىغى 3 مىليارد ماركتىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇرۇشتىن كېيىن بىر مەھەل مۇسادىرە قىلىنغان، 1952-يىلى يەنە قايتا قۇرۇپ چىققان. فرېدرىخ فلىك سانائەت باشقۇرۇش شىركىتى ئاساس قىلىنغان. ئاساسلىق كار-خانىسى—دېملېربىنىس( Benz-Daimler) ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ كۆلىمى سانتانا ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭكىدىن كېيىنلا تۇرىدۇ ھەمدە ئۇ ھەربىي قورال-ياراق، خىمىيە، ماشىنىسازلىق، پولات-تۆمۈر ۋە قەغەزچىلىك قاتارلىق سانائەتلەرگە مەبلەغ سالغان.

فوتىئۇس

  • فوتىئۇس[يەشمىسى:]Photius، تەخمىنەن 820 — 891) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىدىكى كونىستانتىنوپول پاترىئارخى (858 — 867، 877 — 886)، ئالىمى. كونىستانتىنوپولدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پادىشاھ مىخائېل Ⅲ نىڭ ۋەزىرى بولغان. مىلادى 858-يىلى پاترىئارخ بولغاندىن كېيىن، مۇقەددەس بۇتنى بۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ قالدۇق كۈچلىرى ۋە پائۇلچىلارغا قارشى تۇرغان، رىم پاپاسى بىلەن قارشىلاشقان. كونستانتىنوپولنىڭ پاترىئارخى باشچىلىقىدىكى ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن پراۋوسلاۋىيە چېركاۋىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ نۇرغۇن كىتاب ئوقۇغان، قەدىمكى زامان ئەسەرلىرىنى توپلاشقا تىرىشقان. «كىتابلاردىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتابقا قەدىمكى زامان ئەسەرلىرىدىن 280 نەچچە خىل كىرگۈزۈلۈپ، قەدىمكى زامان ئەسەرلىرىنىڭ بىرمۇنچىسى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن.

فورد

  • فورد[يەشمىسى:]Henry Ford، 1863 — 1947) ئامېرىكىلىق مونوپول كاپىتالىست. ياش ۋاقتىدا ئىنژېنېر بولغان. 1903-يىلى دىتروئىتتا باشقىلار بىلەن بىللە فورد ئاپتوموبىل شىركىتىنى قۇرغان ۋە باش دېرىكتور بولغان. 1919-يىلى باشقا ھەسسىدارلارنى چەتكە قېقىپ، مەزكۇر شىركەتنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىۋالغان. ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆلچەملەشتۈرۈشنى يولغا قويغان ھەمدە قۇراشتۇرۇش لىنىيىسىنى قوللىنىپ، باھاسى بىرقەدەر ئەرزان ئاپتوموبىللارنى كۆپلەپ ئىشلەپ چىقىرىپ، كۆپ پايدا ئالغان. فورد ئاپتوموبىل شىركىتى ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل شىركىتى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەر ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ مونوپول كاپىتالىست جەمەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بۇ شىركەت ئايروپىلان، تراكتور ئىشلەپچىقىرىش بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. فورد فوندى قۇرغان.

فوستېر

  • فوستېر[يەشمىسى:]1) ستېفېن كوللىنىس فوستېر (Stephen Collins Foster، 1826 — 1864) ئامېرىكىلىق كومپوزىتور. پېنسىلۋانىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدىلا ناخشا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1846 — 1848-يىللىرى سىنسىنناتتا كىتاب ساقلىغۇچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، 1852-يىلى يېڭى ئورلېئانغا بېرىپ، خەلق ناخشىلىرىنى ئۆگەنگەن. 1860-يىلى نيۇ-يوركقا كۆچۈپ كەتكەن. ناخشىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە جەنۇبنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە نىگېرلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ماتېرىيال ئېلىنغان بولۇپ، خەلق ناخشىلىرىغا خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئاھاڭى ساددا، تەبىئىي، رىتىمى يېقىملىق، راۋان. لېكىن كۆپىنچە مەيۇس، پاسسىپ كۈيلەر ئارىلاشقان. ئۆمرىدە تەخمىنەن 200 ئاھاڭ ئىجاد قىلغان، تېكىستلىرىنى ئۆزى يازغان. بۇ ناخشىلار دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەردە كەڭ تارقالغان. مەشھۇر ناخشىلار ئىچىدە، «ئىخ سۇسەننا!»، «يۇرتۇم»، «ياشانغان نېگىر قۇل»، «كېنتۇككى، مېنىڭ يۇرتۇم» قاتارلىقلار بار. (2) ۋىللىيام زېبۇلون فوستېر (William Zebulon Foster، 1881 — 1961) ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى (1929 — 1938)، ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى (1938 — 1944-، 1945 — 1957). ئىشچىلىقتىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1901-يىلى ئامېرىكا سوتسىياللار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1909-يىلى دۇنيا سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىگە قاتناشقان. 1912 — 1915-يىللىرى شىمالىي ئامېرىكا سىندىكالىزم ئىتتىپاقىنىڭ سېكرىتارى بولغان، 1915 — 1917-يىللىرى ئامېرىكا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خەلقئارا سانائەت ئىتتىپاقىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1917 — 1918-يىللىرى قۇشخانا ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1918—1920-يىللىرى پولات-تۆمۈر سانائىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1919-يىلىدىكى پولات-تۆمۈر سانائىتى ئىشچىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1920-يىلى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى تەشۋىقات ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلغان. 1921-يىلى ئامېرىكا كومپارتىيىسىگە كىرگەن ۋە مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 3-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1924-يىلىدىن باشلاپ، ئامېرىكا كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىي ھەيئىتى، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. روپىستۇن گۇرۇھىنىڭ ئامېرىكا بۇنىڭ سىرتىدا دېگەن نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بروۋدېر رېۋونىزمىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيىدىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، 1945-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتايدا ئامېرىكا كومپارتىيىسىنى يېڭىباشتىن قۇرغان ۋە مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە قايتا سايلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن پارتىيىگە رەھبەرلىك قىلىپ، گايتىسنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە قارشى تۇرغان. 1957 — 1961-يىللىرى، ئامېرىكا كومپارتىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسى بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى ماركسىزمچە نۇقتىئىنەزەر بىلەن شەرھلەپ، شۇ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتى مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشقا تىرىشقان. ئاساسىي ئەسەرلەردىن «ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ سىياسىي تارىخىي پروگراممىسى»، «ئامېرىكا كومپارتىيىسىنىڭ تارىخى»، «ئۈچ ئىنتېرناتسىئونالنىڭ تارىخى»، «ئامېرىكا تارىخىدىكى نېگىرلار»، «دۇنيادىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي پروگراممىسى» قاتارلىقلار بار.

فوش

  • فوش[يەشمىسى:]Ferdinand Foch، 1851 —1929) فرانسىيە مارشالى. كىچىكىدە مېيىس چېركاۋنىڭ قارىمىقىدىكى مەكتەپتە ئوقۇغان. كېيىن پارىژ ئۇنىۋېرسال سانائەت مەكتىپى، توپچى تەربىيىلەش مەكتىپى ۋە ئالىي ھەربىي شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1894-يىلى ئالىي ھەربىي شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان.1908-يىلى شۆيۈەننىڭ برىگادىر گېنېرال دەرىجىلىك مۇدىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەرقايسى شتابلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1913-يىلى نانسى 20-جۈنتۈەنىنىڭ قوماندانى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مارنا دەرياسى، ئىپىرى قاتارلىق جەڭلەرگە قاتناشقان. 1915 — 1916-يىللىرى شىمالىي جىتۈەنجۈنگە قوماندانلىق قىلغان. 1917-يىلى 5-ئايدا فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان ۋە ئانتانتا ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابىنى قۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن. 1918-يىلى 3-ئايدا غەربىي سەپتىكى ئانتانتا قوشۇنىنىڭ ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان. 5-ئايدا ئانتانتا ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 8-ئايدا فرانسىيە مارشالى بولغان. 11-ئاينىڭ 11-كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلغان.26-كۈنى مىسسىسقا شەرەپ بىلەن قايتقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئانتانتا ئارمىيىسىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىكى ئاساسىي رەھبىرى دەپ تونۇلغان. ئەنگلىيە ۋە پولشانىڭ مارشال ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇرۇشتىن كېيىن فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا، ئالىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. «ئۇرۇش قائىدىسى»، «ئۇرۇشتىكى قوماندانلىق» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

فوكاس

  • فوكاس[يەشمىسى:]Phokas، ؟ — 610) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (602 —610).ئەسلى تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېر (يۈز بېشى) بولغان. مىلادى 602-يىلى دوناي دەرياسى ئالدىنقى سېپىدە ئەسكەرلەرنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە قوزغىغان. كېيىن كونستانتىنو-پول پۇقرالىرى ۋە قۇللارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، پايتەختنى ئىگىلەپ، پادىشاھ موررىسنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزى پادىشاھ بولۇۋالغان. يېڭى ھاكىمىيەت ئاقساقال ئاقسۆڭەكلەر ۋە چوڭ يەر ئىگىلىرىنىڭ ئۆچمەنلىكىگە ئۇچرىغان. ئۇلار سۈرىيە، پەلەستىن، كىچىك ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا ئىچكى ماجىرا پەيدا قىلغان. پېرسىيە پادىشاھى خوسراۋ Ⅱ موررىس ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىشنى باھانە قىلىپ ئىمپېرىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇدۇللا كىچىك ئاسىياغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، بوسفور بوغۇزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا يېتىپ بارغان. 610-يىلى ئىچكى ماجىرادا فوكاس ھېراكلىئۇس تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان.

فوكۇساۋا يوكىسى

  • فوكۇساۋا يوكىسى[يەشمىسى:]1835 — 1901) ياپونىيىلىك مۇتەپەككۇر، پېداگوگ. ياش ۋاقتىدا خەنزۇچە ئۆگەنگەن.1855-يىلىدىن باشلاپ، ئوساكادا ئوگاتا كىيولورى (1810 — 1863) دىن گوللاندىيە ئىلمىنى ئۆگەنگەن. 1858-يىلى ئىيېدودا ئەجنەبىيچە مەكتەپ ئېچىپ، غەرب ئىلمىنى ئوقۇتقان. 1860-يىلىدىن باشلاپ ياۋروپا-ئامېرىكا ئەللىرىگە ئۈچ قېتىم بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 1868-يىلى ئەجنەبىيچە مەكتەپنى چىڭيىڭيى مەكتىپى (چىكتىڭ داشۆسىنىڭ تەكتى) قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ھەر ساھەنىڭ ئىختىساسلىق خادىملىرىنى پائال تەربىيىلەپ بەرگەن. مېيجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا «مىڭلىيۇ ژۇرنىلى»، «ئېقىم مەسىلىلىرى گېزىتى» چىقىرىپ، فېئوداللىق ئىدىيىنى تەنقىد قىلىپ، مەدەنىيەتلىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىدىيە، مەدەنىيەت ساھەلىرىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن، لېكىن ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىگە تەنقىدىي پوزىتسىيە تۇتقان. ھۆكۈمەت بىلەن خەلقنىڭ ماسلىشىپ، «ئىچكى جەھەتتە تىنچ بولۇش، تاشقى جەھەتتە رىقابەتلىشىش» نى تەشەببۇس قىلغان. ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق سىياسىتىنى قوللىغان. «ئۆگىنىش ھەققىدە تەۋسىيە»، «مەدەنىيەت ھەققىدە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. «فوكۇساۋايوكىسى ئەسەرلىرى» دىن 21 توم نەشىر قىلىنغان.

فوكىس

  • فوكىس[يەشمىسى:]Charles James Fox، 1749 — 1806) ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى. چوڭ ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1768-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1770 — 1772-يىللىرى دېڭىز ئارمىيىسى ۋەزىرى بولغان. 1772 — 1774-يىللىرى مالىيە ۋەزىرى بولغان. شىمالىي ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىش، فرانسىيە ئىنقىلابىغا ھېسداشلىق قىلىش، ئەنگلىيىنىڭ ناپولېئونغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشقا زەربە بېرىش ۋە كىچىك پېتىنىڭ سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشنى كۈچىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ تالاش-تارتىشىغا ئارىلاشماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان. 1797 — 1801-يىللىرى سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان. 1806-يىلى كىچىك پېت ۋاپات بولغاندىن كېيىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ، ناپولېئون بىلەن سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈشكە تىرىشقان. «سىياسىي نۇتۇق توپلىمى»، «ئەسلىمە ۋە خەت-چەكلەر» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

فولسوم مەدەنىيىتى

  • فولسوم مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]شىمالىي ئامېرىكىنىڭ كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى مەدەنىيىتى. ئەڭ دەسلەپتە يېڭى مېكسىكا شتاتىدىكى فولسوم (Folsom) شەھىرىنىڭ جىلغىسىدا تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. شىمالىي ئامېرىكا چوڭ تۈزلەڭلىكىدە كەڭ تارقالغان. ئۇچلۇق تاش قوراللارنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى قىلغان بولۇپ، تار ۋە ئۇزۇن كېلىدىغان نەيزە ئۇچى بولۇپ، ئىككى تەرىپى ياسالغان، ئاستىغا ئوقۇر چىقىرىلغان، بەزىلىرىنىڭ تۈۋى تەرىپىگە يەنە ئىككى كىچىكرەك ئۇچ چىقىرىلغان. ئوقۇرلۇق ئۇچلۇق قوراللار پەقەت روسكۇ (Rocky) تېغىنىڭ قاپتىلىغىلا تارالغان. ئۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئوقۇرسىز ئۇچلۇق قوراللار شىمالىي ئامېرىكا چوڭ تۈزلەڭلىكىنىڭ ھەممىلا يېرىگە تارقالغان. كولۇرادو شتاتىنىڭ لېنتسبۇرگ دېگەن يېرىدىكى لىندىنمارخارابىسى مۇشۇ مەدەنىيەتنىڭ تىپىك خارابىسى ھېسابلىنىدۇ. تۇرار جاينىڭ ئىزى تېپىلمىغان. ئوچاق ئەتراپىدىن تېپىلغان ئالتە مىڭدىن ئارتۇق نەرسە ئىچىدە تىپىك فولسوم ئۇچلۇق قورالى ۋە ھەر خىل شەكىلدىكى قىرىش ئەسۋابى، تاش بولقا، يەنە قۇش سۆڭەكلىرىدىن ياسالغان يىڭنە ۋە مارجان قاتارلىقلار بار.

فوما قوزغىلىڭى

  • فوما قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]مىلادى 821 — 823-يىللاردا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىدە پارتلىغان خەلق قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭ رەھبىرى سلاۋىيان فوما (Фома Славянин، تەخمىنەن 760 — 823-يىللار) بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. قوزغىلاڭنىڭ ئاساسىي ئاممىسى فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان دېھقانلار، ھەربىي رايون ئەسكەرلىرى («ھەربىي رايون تۈزۈمى» گە قاراڭ)، شەھەر كەمبەغەللىرى، سلاۋىيان كۆچمەنلەر ۋە قۇللاردىن ئىبارەت بولغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس ھەيكەلگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتىگە قارشى بىر قىسىم مۇناخلارمۇ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قاتناشقان. فوما ئەسلىدە كىچىك ئاسىيادىكى بىر ھەربىي رايوننىڭ ئوفىتسېرى بولۇپ، قوزغىلاڭدىن كېيىن دېڭىز فلوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈچلۈك قوراللىق كۈچ تەشكىللىگەن. ئەرەبلەر ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە بولغان دۈشمەنلىكنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، قوزغىلاڭنى قوللىغان. فوما ئۆزىنى ئىمپېراتور دەپ ئاتاپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالۋان-ياساقلارنى بىكار قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قوللانغان. كېيىن فوما كىچىك ئاسىيادىن قوشۇن باشلاپ چىقىپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ تراكىيە ۋە ماكېدونىيىلەردە قۇرۇقلۇققا چىققان ھەمدە كونستانتىنوپولنى بىر يىلدىن ئارتۇق مۇھاسىرىگە ئالغان (822-يىلى). ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى مىخائېل Ⅱ (MichaelⅡ، مىلادى 820 — 829-يىللاردا تەختتە تۇرغان) قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىدىكى تۇراقسىز ئۇنسۇرلارنى سېتىۋېلىش ۋە بۇلغارىيىلىكلەردىن ياردەم ئېلىش ئارقىلىق، 823-يىلى قوزغىلاڭنى باستۇرغان، فوما ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. قالدۇق قىسىملار كۈرەشنى 825-يىلغىچە داۋاملاشتۇرغان.

فونتانې

  • فونتانې[يەشمىسى:]Thehodor Fontane، 1819 — 1898) گېرمانىيىلىك رېئالىست يازغۇچى، شائىر. براندېنبۇرگدا دورا سودىگىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدە ئاپتىكىدا شاگىرت بولغان. 1848-يىلدىكى گېرمانىيە ئىنقىلابىغا قاتناشقان. ئاخباراتچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئۇزۇن مۇددەت ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىر بولغان. كېيىن بەدىئىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلاپ، شوتلاندىيە خەلق ناخشا-قوشاقلىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1860-يىلدىن باشلاپ ئۇزۇن مەزگىل «كرېست» گېزىتىگە ماقالە يېزىپ تۇرغان. 1861 — 1862-يىللىرى «براندېنبۇرگ ساياھەت خاتىرىلىرى» نى ئېلان قىلغان. پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى ۋاقتىدا ھەربىي مۇخبىر بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن بېرلىندىكى «فۇس» گېزىتىدە 20 يىلدىن كۆپرەك دراما ئوبزورچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. ئەسەرلىرىدە ئەكسىيەتچىل پرۇسسىيە روھىنى، فېئودال-ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلىرىنى ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ ساختا ئەخلاقىنى كەسكىن تەنقىد قىلىپ، گېرمانىيە تەنقىدىي رېئالىزمى ئۈچۈن يول ئاچقان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «بوراندىن ئىلگىرى»، «كورۇل فون ۋۇتېنوۋ»، «ژېننى ترايبېل خانىم» ۋە «ئېففى برىست» قاتارلىقلار بار.

فونت دې-گائومې تاش ئۆڭكۈرىدىكى تام سۈرەتلەر

  • فونت دې-گائومې تاش ئۆڭكۈرىدىكى تام سۈرەتلەر[يەشمىسى:] ياۋروپا كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە ئائىت تاش ئۆڭكۈر تام سۈرەتلىرى. فرانسىيىنىڭ دوردونى رايونىدىكى فونت دې-گائومې (Font de Gaume) تاش ئۆڭكۈرىدە. 1901-يىلى ئارخېئولوگ برۇئىل قاتارلىقلار تاپقان. تاش ئۆڭكۈرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 124 مېتر كېلىدۇ، تام سۈرەتلەر ئۆڭكۈر ئاغزىدىن 65 مېتر نېرىسىدىن تارتىپ باشلانغان، ياۋايى كالىلارنىڭ سۈرىتى ئەڭ كۆپ بولۇپ، جەمئىي 80 دىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 40 ئات، 23 مامونت، 11 كېيىك، سەككىز كالا، كۆندۈرۈلگەن ئالتە بۇغا، تۆت قوي، ئىككى كەركىدان شۇنىڭدەك بۆرە، ئېيىق ۋە مۈشۈكلەرنىڭ ھەرقايسىسىدىن بىردىن بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەنىسىنى ئۇققىلى بولمايدىغان بەلگىلەرمۇ بار. بۇ تام سۈرەتلىرىدە رەڭلىك سۈرەت بىلەن سىزما سۈرەتنى تەڭ ئىشلەتكەن. ھايۋانلارنىڭ بەدىنى سىزما سۈرەت ئارقىلىق كۈچەيتىلگەن. برۇئىل بۇ تام سۈرەتلىرىنى ئالتە مەزگىلگە بۆلۈپ، 1 — 3 كىچە بولغان مەزگىلىنى ئورىنا مەزگىلىگە، 4 — 6-گىچە بولغان مەزگىلنى ماگدالېن مەزگىلىگە مەنسۇپ قىلغان.

فونۋىزىن

  • فونۋىزىن[يەشمىسى:]Денис Иванович Фонвизин، 1744 ياكى 1745 — 1792) روسىيىلىك دراماتورگ، ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1762-يىلى گىمنازىيىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئىشلىگەن. 1768 — 1769-يىللىرى «برىگادىر» دېگەن ھەجۋىيلىك كومېدىيىنى يېزىپ روسىيە ئاقسۆڭەكلىرى سىنىپىنىڭ چىرىكلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ چەت ئەلگە چوقۇنۇشتەك رەزىل ئەپتىنى تەسۋىرلىگەن. 1771-يىلى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرى «بايۋەچچە»نى يېزىپ، ئۇنىڭدا ئايال پومېشچىك پروستاكوۋانىڭ دۆتلۈكى ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ ھېچنېمە ئۆگەنمەي لاغايلاپ يۈرىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق زۇلمەتلىك يانچىلىق تۈزۈمىنى پاش قىلغان. ئۇلاردىن باشقا يەنە «نەسىھەتچى تۈلكە»دېگەن مەسەل، «مالايلارغا خەت» دېگەن نەسىر،«مەسىلە» دېگەن سىياسىي ئوبزور قاتارلىقلارنى يازغان.

فۇتا باتېي شىمېي

  • فۇتا باتېي شىمېي[يەشمىسى:]Futabatei Shimei ،1864 — 1909) ياپونىيىلىك يازغۇچى، تەرجىمان. ئەسلى ئىسمى خاسېگاۋاتاتسۇنوسۇكې. توكيو چەت ئەل تىل مەكتىپىدە رۇسچە ئۆگەنگەن. كېيىن تسۇبو-ئۇچى بىلەن تونۇشۇپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى «ئۈزۈپ يۈرگەن بۇلۇت»، «چىراي»، «ئاددىي» قاتارلىقلار بولۇپ ھەممىسىلا رېئالىزمنى تەنقىد قىلىدىغان نادىر ئەسەرلەر بولۇپ، ياپونىيىنىڭ يېقىنقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇ تۈرگېنېۋ، گوگول، گوركېي قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. كېيىن «فوتاباتېي شېمېي ئەسەرلىرى» دىن جەمئىي توققۇز توم نەشىر قىلىنغان.

فۇجىتا ئازۇما مىزۇئومى

  • فۇجىتا ئازۇما مىزۇئومى[يەشمىسى:]1806 — 1855) ياپونىيىنىڭ مىتو ۋاسساللىقىدىكى ئالىم. ئۇنىڭ ئاتىسى يوگو «بۈيۈك ياپونىيە تارىخى» نى تۈزۈش ئورنىنىڭ لىدىرى بولغان. ئەسلى ئىسمى تاكېكى، باشقا ئىسمى سېنوشىن، تەخەللۇسى ئازۇما مىزۇئومى.1827-يىلى (ۋىنجىڭنىڭ 10-يىلى) تارىخ تۈزۈش ئورنىدا ئىشلىگەن. 1829-يىلى مۇۋەققەت لىدىرى بولغان. ئىسلاھاتچىلارنىڭ ئاساسىي خادىمى بولۇپ، موتەئەسسىپلەر بىلەن قارشىلاشقان. توكۇگاۋا نارىئاكى (1800 — 1860) نىڭ ۋاسسال بېگى بولۇشنى ھىمايە قىلىپ، ۋاسسال ھاكىمىيىتىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1844-يىلى (تيەنباۋنىڭ 15-يىلى) ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغان. 1849-يىلى (جيايۇڭنىڭ 2-يىلى) خاشىموتوساناي، يوكوي ئوكۇسۇ (1809 — 1869)، سايگو تاكامۇرى قاتارلىقلار بىلەن ئالاقىلاشقان ھەمدە پادىشاھنى ھۈرمەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1855-يىلى (ئەنجىڭنىڭ 2-يىلى) ئىيېددودا قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندە ئۆلۈپ كەتكەن. «خۇڭدا ۋە گۈەن خاتىرىلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بولۇپ، «ئازۇما مىزۇئومى ئەسەرلىرى» گە كىرگۈزۈلگەن.

فۇجىۋرا نوكاماتارى

  • فۇجىۋرا نوكاماتارى[يەشمىسى:]614 — 669) ياپونىيىنىڭ تايكا (Taika) ئىسلاھاتى مەزگىلىدىكى سىياسىئون. ئەسلى ئىسمى كاماكو بولۇپ، كېيىن كاماتارى دەپ ئۆزگەرتكەن. مىلادى 644-يىلى (كوكى تيەننونىڭ ئۈچىنچى يىلى)، مۇقەددەس كوۋنت (Count) لىقىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئۆزىنى كېسەل دەپ بۇنىڭدىن باش تارتقان؛ شاھزادە كارۇ ۋە ناكا نوئوئېنىڭ قەدىرلەپ ئىشلىتىشى بىلەن، ئىسلاھاتنى پىلانلاشقا قاتناشقان. 645-يىلى شاھزادە ناكا نوئوئې قاتارلىقلارغا ياردەملىشىپ، ھوقۇقدار زالىم ۋەزىر سوگا نوئۇماكو قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرگەن. شاھزادە كارۇ تەختكە ئولتۇرۇپ، تېننو كوتوكو (Kotoko) دەپ ئاتىلىپ، ئىچكى ۋەزىرلەرنى تەيىنلەپ، شاھزادە ناكانوئوئې بىلەن بىللە، ئەمەلىي ھوقۇقلارنى ئىگىلەپ، تايكا ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بارغان.654-يىلى تېننو كوتوكو ئۆلگەندىن كېيىن، تېننوكوكىنىڭ ئورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئۇ تېننو سايمېيى (Saimei) دەپ ئاتالغان؛ 661-يىلى تېننو سايمېيى ئۆلۈپ شاھزادە ناكانوئوئې تىننو ئىشلىرىنى ۋەكالىتەن باشقۇرغان، 668-يىلى رەسمىي تەختكە ئولتۇرۇپ، ئۇتېننو تيەنچى (Tenchi) دەپ ئاتالغان. مۇشۇ ئارىلىقتا تېخىمۇ ئىشەنچكە ئىگە بولۇپ، «ئومى سودې»نى تۈزۈشكە باشچىلىق قىلغان. 669-يىلى كېسىلى ئېغىرلاشقاندا، زور توقۇلما تاج، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرلىكى ۋە فۇجىۋارا ئوردىسى ۋەزىرى دېگەن فامىلە ئىنئام قىلىنىپ، فۇجىۋارا جەمەتىنىڭ تۇنجى بوۋىسى بولۇپ قالغان.

فۇچىك

  • فۇچىك[يەشمىسى:]Julius Fucik،1903— 1943) چېخوسلوۋاكىيىلىك يازغۇچى، مىللىي قەھرىمان، مۇنەۋۋەر كوممۇنىزم جەڭچى. ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1921-يىلى چېخوسلوۋاكىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغاندا پارتىيىگە كىرگەن. 1928-يىلىدىن باشلاپ پارتىيە ئورگان گېزىتى — «قىزىل ھوقۇق گېزىتى» تەھرىرى بولغان. 1941-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1942-يىلى 4-ئايدا خائىننىڭ ساتقىنلىقى تۈپەيلى گېرمانىيە فاشىستلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئىككىنچى يىلى 9-ئايدا قۇربان بولغان. تۈرمىدە «دار ئالدىدىكى سۆز» دېگەن كىتابنى يازغان؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە «سۆيۈملۈك ۋەتىنىمدە» دېگەن ئەسىرىمۇ بار.

فۇداۋ جۇڭچىن سوئېشىما تانېئومى

  • فۇداۋ جۇڭچىن سوئېشىما تانېئومى[يەشمىسى:]1828 —1905) ياپونىيە مېيجى دەۋرىدىكى ۋەزىر. ساگا ۋاسساللىقىدىن. لەقىمى ساڭخەي. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا نەنگوڭ ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پادىشاھنى ئىززەتلەش — ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش ھەرىكىتىگە ئاتلانغان. 1863-يىلى ۋاسسال مەكتىپىنى باشقۇرغان 1864-يىلى ناگاساكىدا مەھكىمە قۇرۇپ ئۆزى مۇپەتتىش بولۇپ، غەربىي ياۋروپانىڭ سىياسىي-ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى تارقاتقان. مېيجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا مەسلىھەتچى بولۇپ، «سىياسىي تۈزۈلمە» نى تەييارلاشقا قاتناشقان. 1869-يىلى، كېڭەش ئەزالىقىغا كۆتۈرۈلگەن. 1871-يىلى تاشقى ئىشلار كاتىپى بولغان. 1873-يىلى 2-ئايدا تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچى بولۇپ «جۇڭگو-ياپونىيە يارىشىش قائىدە-نىزامى»نى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن ھەمدە كيو سىيۇ بېلىقچىلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ تەيۋەندىكى گاۋشەن مىللىتىنىڭ ماجىراسىدىن پايدىلىنىپ، يەنىمۇ ماجىرا تۇغدۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىيە جەھەتتە تەييارلىق قىلغان. شۇ يىلى 10-ئايدا «كورىيىگە يۈرۈش قىلىش» نى تەشەببۇس قىلغانلىقى سەۋەبى بىلەن، خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1874-يىلى 1-ئايدا ئىتاگاكى قاتارلىقلار بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلەر پارتىيىسىنى تەشكىل قىلىپ، دېموكراتىك سايلام پالاتاسى قۇرۇش تەكلىپنامىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىگە قاتناشمىغان. 1879-يىلى ئوردا ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بولغان، 1888-يىلى مۇھىم ئىشلار مەسلىھەتچىسى بولغان. 1894-يىلى زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن زوراغاسى بولغان. 1892-يىلى 3-ئايدا ماتسۇكاتا ئىچكى كابېنتىنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، ئۇزۇن ئۆتمەي خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. خەتتاتلىق قىلغان، خەنزۇچە شېئىرمۇ يازغان.

فۇرمانوۋ

  • فۇرمانوۋ[يەشمىسى:]Дмитрий Андреевич Фурманов، 1891 — 1926)، سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى، دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدىن تارتىپلا ئەدەبىياتقا قىزىققان. 1912-يىلى موسكۋا داشۆسىگە كىرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ھەربىي خىزمەتتە بولغان. 1918-يىلى روسىيە كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسىگە كىرىپ، ئىۋانوۋ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغان. گراژدانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە چاپايېۋ دېۋىزىيىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان. گراژدانلار ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ سەزگۈرەشتلىرىگە ئاساسەن، تەرجىمىھال رومانى «چاپايېۋ» نى يېزىپ، چاپايېۋنىڭ بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا، ئاددىي دېھقاندىن خەلق قەھرىمانى بولۇپ يېتىلىشتىكى شانلىق جەرياننى تەسۋىرلىگەن.يەنە گراژدانلارنى ئۇرۇشنى تېما قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «قىزىل ئارمىيە قۇرۇقلۇق ئەترىتى» ۋە «1918-يىل» پوۋېستلىرىنى، «ئىسيان» رومانىنى يازغان. 1926-يىلى كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.

فۇرې

  • فۇرې[يەشمىسى:]Frangois Felix Faure، 1841—1899)، فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1895—1899). ئەسلىدە باي بۇلغارى سودىگىرى بولۇپ، لې ھاۋرې (Le Havre) شەھىرىنىڭ مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان. 1881-يىلى ئاۋام پالاتاسىغا كىرگەن. كېيىن مۇستەملىكىلەر مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى، دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە فرانسىيە-روسىيە ئىتتىپاقىنى كۈچەيتكەن؛ ماداغاسقارنى بويسۇندۇرغان؛ ئەنگلىيە-فرانسىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنلىرىنىڭ ئافرىقىدىكى فاشودا ۋەقەسى يۈز بەرگەن؛ درېيفۇس دېلوسىنى قايتا تەكشۈرۈشنى جاھىللىق بىلەن رەت قىلغان. 1899-يىل 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇشتۇمتۇت مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلگەن، ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمى درېيفۇسچىلار بىلەن درېيفۇسقا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

فۇريې

  • فۇريې[يەشمىسى:]Charles Fourier، 1772 — 1837) فرانسىيىلىك خىيالىي سوتسىيالىزمچى. باي سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئۇزاق مۇددەت سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق 1798 — 1799-يىللاردا ئۆزىنىڭ تەلىمات سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە خۇدا ئىنسانىيەتنى ئۆزىنىڭ قىياپىتى بويىچە ياراتقان؛ ئىنسان تەبىئىتى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىغا ئاساسلىنىپ، خۇدا بېكىتكەن ئىجتىمائىي قانۇنلارنى تاپقىلى بولىدۇ. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تارىخى بالىلىق دەۋر، ئۆسۈپ يېتىلىش، زاۋاللىققا يۈزلىنىش، سولىشىشتىن ئىبارەت تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ، ھازىرغىچە ئىنسانىيەت يەنىلا ئىناق بولمىغان بالىلىق دەۋر باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ھازىرقى جەمئىيەت تۈزۈمى قالايمىقانچىلىق، نامراتلىق، شەھۋانىيلىقنىڭ ئاخىرقى چېكى بولۇپ، دۆلەت ئىمتىيازلىقلار ۋە بايلارنىڭ ئاممىغا قارشى تۇرۇشىنى قوغدىغۇچىدۇر. بۇ تۈزۈم ئىجتىمائىي داۋالغۇش ۋە كرىزىسقا ئېلىپ بارىدۇ، ئۇ كەلگۈسىدە ئىناقلىق دەۋرىگە بىۋاسىتە سەكرەيدۇ. ئىناق جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي قاتلام بىرلىكى — فالانگې يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس، سانائەتنى قوشۇمچە قىلغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇپ، ئەمگەك ھەر كىمنىڭ ياقتۇرۇشى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛ كىرىم كاپىتال پايدىسى، قابىلىيەت ھەققى ۋە ئەمگەك ھەققى بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ؛ ئىستېمال كوللېكتىپ تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ؛ ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ھۈجەيرىسى ئەمەس، بەلكى ئەر-ئاياللار ئەركىن نىكاھلانغان ۋاقىتلىق قوشۇلمىدىن ئىبارەت بولىدۇ، فالانگېدا ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكى پاي چېكى شەكلىدە ساقلىنىپ قالىدۇ، بايلار ۋە كەمبەغەللەردىن ئىبارەت ئىجتىمائىي تەڭسىزلىكمۇ ساقلىنىپ تۇرىدۇ دەپ قارىغان. فۇريې پەقەت تىنچ تەشۋىق قىلىش ۋە ئەمەلىي ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىقلا، فالانگې تۈزۈمىنى بىرقانچە يىل ئىچىدە ئومۇملاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. فۇريېچىلار فرانسىيە بىلەن ئامېرىكىدا فالانگې كۆچمەنلەر رايونى سىنىقىنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ھەممىسى مەغلۇپ بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى «تۆت خىل ھەرىكەت ۋە ئومۇمىي تەقدىر توغرىسىدىكى نەزەرىيە»، «ئائىلىۋى يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى توغرىسىدا»، «سانائەت ۋە ھەمكارلاشقان يېڭى دۇنيا» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

فۇزۇلى

  • فۇزۇلى[يەشمىسى:]Fuzuli، 1494 — 1556) تۈركىيىلىك شائىر. ئەسلى يۇرتى ئەزەربەيجان بولۇپ، ئىراقتىكى كەربالادا تۇغۇلۇپ، باغدادتا ئۇزاق ۋاقىت تۇرغان. قەدىمكى زامان پەلسەپىسى، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا ۋە تىبابەتچىلىكنى تەتقىق قىلغان، ئەزەربەيجان، پارىس ۋە ئەرەب تىللىرىدا يېزىقچىلىق قىلغان. ھازىر ساقلانغان ئەسەرلىرى ۋە شېئىرلار توپلىمى 16 گە يېتىدۇ. ئەڭ مەشھۇرى «لەيلى ۋە مەجنۇن» دېگەن داستانىدۇر. «ئەرز-شىكايەت» دېگەن ئەسىرى تۈركىيە ئوردىسىدىكى زورلۇق-زوراۋانلىقلار، خىيانەتچىلىك-چىرىكلىكلەر ئېچىپ تاشلانغان داڭلىق ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

فۇستات

  • فۇستات[يەشمىسى:]Fustat)، مىسىرنىڭ قەدىمكى پايتەختى، بۈگۈنكى قاھىرەنىڭ جەنۇبىي رايونىغا، نىل دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان. مىلادى 641-يىلى مىسىرنى بويسۇندۇرغان ئەمىر ئەرەب قوشۇنىنى باشلاپ، بۇ يەردە ھەربىي بارگاھ قۇرغان (ئەرەب تىلىدا «فۇستات» دېيىلىدۇ)، شۇڭا بۇ شەھەر «فۇستات» دەپ نام ئالغان. كېيىن مىسىرنىڭ پايتەختى بولۇپ قالغان.969-يىلى قاھىرە شەھىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن سىياسىي مەركەز قاھىرەگە يۆتكەلگەن بولسىمۇ، بۇ يەر يەنىلا سودا مەركىزى بولۇپ قالغان. شۇڭا كونا قاھىرە دەپ ئاتالغان. 1168-يىلى ئەھلىسەلىپ شەرققە يۈرۈش قىلغاندا قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، پەيدىنپەي تاشلىۋېتىلگەن. قۇم-توپا ئاستىدا قالغان. 1912-يىلى قېزىلىپ، خىش-كاھىش بىلەن سېلىنغان ئۆگزىسىز ئۆي-كوچىلار ۋە ئېرىقلارنىڭ ئىزى تېپىلغان. جۇڭگونىڭ تاڭ، سۇڭ، يۇەن، مىڭ دەۋرلىرىدە ئىشلەنگەن ساپال بۇيۇملار ۋە تەقلىت قىلىپ ياسالغان بۇيۇملار خېلى كۆپ قېزىپ چىقىلغان. بۇ ھال شۇ چاغدىكى شەرق بىلەن غەرب سودىسىنىڭ تارىختا گۈللەنگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

فۇشې

  • فۇشې[يەشمىسى:]Joseph Fouche، 1759— 1820)، فرانسىيە بۇرژۇئا سىياسىي ئەربابى. دەسلەپتە ئىلاھىيەت تەربىيىسىنى ئالغان، نىئورت، ئارراس، نانتېس قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. كېيىن فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، نانتېس رايونىدىكى ياكوبىنچىلار كۇلۇبى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولغان. 1792-يىلى مىللىي ئۇيۇشمىغا سايلىنىپ، پادىشاھقا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. ياكوبىن دىكتاتۇرىسى مەزگىلىدە، ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن خادىم سۈپىتىدە لېئان قاتارلىق جايلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، «ئۈزۈل-كېسىل ئىنقىلاب» ۋە خرىستىئان دىنىغا ئۇرۇش ئېلان قىلىشنى تەرغىپ قىلغان، خالىغىنىچە قىرغىن قىلىپ، رەھىمسىزلىكى بىلەن تونۇلغان ۋە روبېسپېر تەرىپىدىن چاقىرتىۋېلىنغان. تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىنىڭ ئاساسىي پىلانلىغۇچىلىرىنىڭ بىرى. تەپتىش ھۆكۈمەت مەزگىلىدە تۇرىن، گائاگالاردا تۇرۇشلۇق ئەلچى ۋە ساقچى ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان، تۇمانلىق ئاينىڭ ئون سەككىزىنچى كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش مەزگىلىدە، ناپولېئوننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ساقچى مىنىستىرلىكىگە رەھبەرلىك قىلغان، 1809-يىلى ئوترانتې (Otrante) كىنەزى دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. يۈز كۈنلۈك سۇلالە مەزگىلىدە ساقچى ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. ۋاتېرلو جېڭىدىن كېيىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى بولۇپ، فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قاتنىشىپ، بوربون سۇلالىسىنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ۋە لۇئى ⅩⅧ نىڭ ۋەزىرى ۋە درېسدىن (Dresden) دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان. 1816-يىل 1-ئاينىڭ 12-كۈنى «پادىشاھنى ئۆلتۈرگەنلەرنى جازالاش قانۇنى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلغان، ئۇ ئاۋسترالىيىگە قېچىپ كەتكەن.

فۇشى ساۋزى

  • فۇشى ساۋزى[يەشمىسى:]ياپونىيىدىكى ئېدو دەۋرىدىكى رومانلارنىڭ بىر تۈرى. جىنڭيۈەن شىخې دەسلەپ ئىجاد قىلغان. كۆپىنچە سودىگەرلەر ۋە باشقا ئوتتۇرا، تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن، ئوساكا، كىيوتولاردا كەڭ تارقالغان. شىخې ئۆلگەندىن كېيىن، بۇنداق ئەسەرلەر پەس ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە بېرىلىپ كەتكەن، جياڭداۋ ۋۇچىچى (1667 — 1736) نى مەركەز قىلىپ چىقىرىلغان باۋىنىزى ۋۇبېنبۇنىڭ مىسالى. كېيىن بارا-بارا خارابلاشقان.

فۇكوكاگو مارۇ ۋەقەسى

  • فۇكوكاگو مارۇ ۋەقەسى[يەشمىسى:]يەنى«بىكىنى ۋەقەسى».

فۇكۇسىما ۋەقەسى

  • فۇكۇسىما ۋەقەسى[يەشمىسى:]ياپونىيە مېيجى ھۆكۈمىتىنىڭ فۇكۇسىما ئارىلىدىكى ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ۋەقەسى. 1875-يىلى كاۋانوخىروناكا قاتارلىقلار فۇكۇسىما ئارىلىدا سىياڭ جەمئىيىتىنى قۇرغاندىن كېيىن، فۇكۇسىما ناھىيىسىدە خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان. ھۈرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كۈچى تېز ئۇلغايغان. 1882-يىلى فۇكۇسىما ناھىيىسىنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلەنگەن مىشىما تىسۇيو (1835 — 1888) خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىگە ئىنتايىن ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ، ئۆكتەملىك بىلەن «تەۋەيىمىزدە ھۈرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشىغىمۇ يول قويۇلمايدۇ» دەپ جار سالغان ھەمدە جيەن-خوي-جىن يولىنى ياساشقا مەجبۇرلاپ، خەلقتىن ئالۋان-ياساقلارنى ھەدەپ يىغىۋالغان. ناھىيىلىك پارلامېنتنىڭ باشلىقى كاۋانو خىروناكا باشچىلىقىدىكى ھۈرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ئاممىغا رەھبەرلىك قىلىپ زوراۋانلىققا قارشى كەڭ كۆلەملىك كۈرەشنى ئېلىپ بېرىپ، مىشىما تىسۇيونىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. تەخمىنەن مىڭدىن ئارتۇق كىشى يوقىلاڭ بەتنام بىلەن قولغا ئېلىنغان. جۈملىدىن 58 كىشى دۆلەت ئىشى جىنايەتچىسى قاتارىدا توكيو ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. كاۋانو خىروناكا قاتارلىق ئالتە كىشىگە ئايرىم-ئايرىم ئالتە يىلدىن يەتتە يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلگەن. ھۈرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كاۋانو قاتارلىق ياش ئەزالىرى مۇسۇ ۋەقەدىن پايدىلىنىپ مىشىمانى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى كاپوياما ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

فۇگگېر جەمەتى

  • فۇگگېر جەمەتى[يەشمىسى:]ⅩⅦ — ⅩⅤ ئەسىرلەردە گېرمانىيىدىكى ئەڭ زور سودا-سانائەتچى ۋە جازانىخور جەمەت. بوۋىسى ھانس فۇگگېر (Hans Fugger، 1348 — 1409) ئەسلىدە توقۇمىچىلىق ئىشچىسى بولۇپ، 1367-يىلىدىن باشلاپ ئاۋگىسبۇرگتا كارخانا ئاچقان. ئۇنىڭ ئەۋلادى مۇشۇ شەھەردە ئولتۇراقلىشىپ، ئىتالىيىنىڭ يىپەك توقۇلما ماللىرى، ھىندىستاننىڭ خۇش پۇراق ماتېرىياللىرى ۋە گېرمانىيىنىڭ يۇڭ توقۇلما ماللىرى، پاختا رەختلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ھابسبۇرگ سۇلالىسى ۋە ۋاتىكانغا پۇل قەرز بەرگەن ھەمدە بەگلىكلەر ۋە چېركاۋلار ئۈچۈن ھەر خىل پۇللارنى، مەسىلەن: دىنىي چېركاۋلارنىڭ گۇناھتىن ساقىت بولۇش بېلىتى سېتىشتىن بولغان كىرىمى قاتارلىقلارنى ۋەكالىتەن يىغقان. 1530-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى چارلېسⅤ تەرىپىدىن گراف ئۇنۋانى بېرىلگەن. يەنە ھابسبۇرگ خاندانلىقىدىن تىلور، ۋېنگرىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق جايلاردا كۈمۈش، مىس، سىماب كانلىرىنى ئېچىش ھوقۇقىنى ئالغان. يېڭى دېڭىز يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، يەنە ئامېرىكا قىتئەسى بىلەن سودا-سېتىق قىلىپ، پرودا مۇستەملىكە رايونى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى قىممەتلىك مېتاللارنى بۇلاپ-تالىغان، بۇ جەمەت باشقۇرغان سودا-سانائەتتە، كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى بىرقەدەر بالدۇر بارلىققا كەلگەن. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا سۇنغان.

فۇلتون

  • فۇلتون[يەشمىسى:]Robert Fulton، 1765—1815)، ئامېرىكىلىق ئىنژېنېر، رەسسام. پېنىسلۋانىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. دادىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن. مىلتىق-زەمبىرەك ياساشنى ئۆگەنگەن. 1782—1786-يىللاردا رەسىم سىزىش ۋە مېخانىكا چېرتيوژچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. 1786 — 1793-يىللاردا ئەنگلىيىدە رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. ئۇ سىزغان ئىككى پارچە پورترېت ئەنگلىيە خانلىق سەنئەت ئىلمىي جەمئىيىتىدە ساقلانغان. كېيىن قانال ۋە دېڭىزچىلىق مېخانىكىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1794-يىلى قانالنىڭ چۈشۈرگىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، خاس پايدىغا ئېرىشكەن. 1796-يىلى دەريا ئۈستىدىن ئۆتىدىغان تۆمۈر تۇرۇبا ۋە قازغۇچى ماشىنىنى لايىھىلىگەن.1797-يىلى پارىژدا چاقپېلىكى ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئايلاندۇرۇلىدىغان سۇ ئاستى كېمىسىنى كەشپ قىلغان. 1804-يىلى ئەنگلىيىدە ھور ماشىنىسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلغان پاراخوت ياساش سىنىقىنى ئېلىپ بارغان. 1807-يىلى 8-ئايدا ھورنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلغان پاراخوت-«كىلىموند» نيو-يوركتىن ئالبانىغا بارىدىغان ھادېسون دەرياسىدا قاتناپ، پاراخوت ئارقىلىق قەرەللىك قاتناش بىلەن ئەڭ بالدۇر شۇغۇللانغۇچى بولۇپ قالغان. «قانال قاتنىشىنى ياخشىلاش» دېگەن ئەسىرى بار.

فۇلكنېر

  • فۇلكنېر[يەشمىسى:]William Faulkner، 1897 — 1962) ئامېرىكىلىق يازغۇچى، شائىر. ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا تۇغۇلغان. 1918-يىلى كانادادا تەلىم-تەربىيە ئېلىپ، ئەنگلىيە پادىشاھلىق ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئۇچقۇچىسى بولغان. 1919 — 1920-يىللىرى مىسسىسىپى داشۆسىگە كىرىپ ئوقۇغان. 1925-يىلى پارىژدا قىسقا مۇددەت ئولتۇراقلاشقان. كېيىن ئامېرىكىدا ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇراقلاشقان. 1924-يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى — «مەرمەر تاش چارۋىچىلىق تەڭرىسى» نى ئېلان قىلغان. 1926-يىلى تۇنجى رومان «ئەسكەرنىڭ ھەققى» نى ئېلان قىلغان كېيىنكى ئەسەرلىرىدە ئومۇمەن جەنۇبنىڭ تۇرمۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ جەنۇبتىكى ئېكىنزارلىق ئىگىلىرى ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ چىرىك تۇرمۇشى ئېچىپ تاشلانغان. ئاساسىي ئەسەرلەردىن «چۇقان ۋە غەزەپ»، «سەكراتتىكى چېغىمدا»، «مۇقەددەس ساراي»، «شەھەر»، «بىنا» ۋە بەزى ھېكايىلىرى بار. 1949-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

فۇلكۇڭ خاندانلىقى

  • فۇلكۇڭ خاندانلىقى[يەشمىسى:]1) شۋېتسىيىدىكى فېئودال خاندانلىق(1250— 1365، يەنە بىر ئېيتىلىشىچە 1363). 1250-يىلى نائىب گراف بىرگېر (Birger، ؟ — 1266) ئوغلى ۋالدېمار، (Valdemar، تەخمىنەن 1238 — 1302) نى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن، بۇ فۇلكۇڭ (Fulkung) خاندانلىقىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. ۋالدېمار 1275-يىل-ى ئۇكىسى ماگنۇس (Magnus) تەرىپىدىن زىندانغا تاشلانغان. ماگنۇس تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (1275 — 1290)، پادىشاھلىق ھاكىمىيەت كۈچىيىپ، سىياسىي ۋەزىيەت تىنچ بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن فېئوداللار ئىچكى يېغىلىقى يۈز بەرگەن. 1365-يىلى ماگنۇس Ⅱ ئاقسۆڭەك كىچىك ئالبرېخت (Albrecht، تەخمىنەن 1340 — 1412) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، خاندانلىق ئاخىرلاشقان. فۇلكۇڭ خاندانلىقى دەۋرىدە، شۋېتسىيىنىڭ شەھەر ئىگىلىكى تەرەققىي قىلىپ، ستوكھولم پايتەختكە ئايلانغان. (2) نورۋىگىيىدىكى فېئودال خاندانلىق. 1319-يىلى شۋېتسىيە فۇلكۇڭ خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى ماگنۇس Ⅱ نىڭ ئانىسى نورۋىگىيە كورۇلنىڭ قىزى بولغانلىقى ئۈچۈن، نورۋىگىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ماگنۇس Ⅶ دەپ ئاتالغان. بۇ، نورۋىگىيە فۇلكۇڭ خاندانلىقىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. 1387-يىلى ئولاۋⅤ(Olav Ⅴ، 1370 — 1387) ئۆلگەندىن كېيىن، ۋارىسلىق قىلىدىغان پەرزەنتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئانىسى — دانىيىنىڭ كورۇلىۋاسى مارگرېت (Margrete، 1353 — 1412) ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەمدە دانىيە (1387-يىلى)، شۋېتسىيە (1388-يىلى، يەنە بىر ئېيتىلىشىچە 1389-يىلى) بىلەن قوشۇلغان. 1397-يىلى ئۈچ دۆلەت كالمار ئىتتىپاقىنى رەسمىي تۈزگەن.

فۇلى پاجىئەسى

  • فۇلى پاجىئەسى[يەشمىسى:] جەنۇبىي ۋيېتنام ۋۇتىڭيەن گۇرۇھى سىياسىي مەھبۇسلارنى قىرغان پاجىئە. فۇلى جازا لاگېرى سايگوننىڭ شىمالىدىن 33 كىلومېتر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئامېرىكا — ۋۇتىڭيەن گۇرۇھىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش جەڭچىلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنى سولايدىغان ھەمدە ئۆلتۈرىدىغان چوڭ تۈرمىسى ئىدى. 1958-يىلىدىن كېيىن، بۇ يەرگە سولانغان سىياسىي مەھبۇسلار ئادەتتە ئالتە-يەتتە مىڭ كىشىگە يېتەتتى. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، ۋۇتىڭيەن گۇرۇھى ئامېرىكىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، مەھبۇسلارنىڭ تامىقىغا زەھەر سېلىپ، مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ زەھەرلىنىپ پاجىئەلىك ھالدا ئۆلۈپ كېتىشىنى، يەنە مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ۋۇتىڭيەن گۇرۇھى تۈرمىگە ئوت قويۇپ، جەسەتلەرنى كۆيدۈرۈپ ئىز يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ، يەنە بىر قىسىم مەھبۇسلارنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەن. بۇ زوراۋانلىق ۋيېتنام خەلقى ۋە ھەرقايسى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى ۋە نارازىلىقىنى قوزغىغان.

فېبۋرې

  • فېبۋرې[يەشمىسى:]Lucien Febvre، 1878 — 1956) فرانسىيىلىك تارىخشۇناسلارنىڭ ژۇرنىلى «يىللىق مەجمۇئەچىلىرى» نىڭ ئاساسچىسى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دىژون داشۆسى ۋە ستراسبۇرگ داشۆسىدە پروفېسسور بولغان. 1929-يىلى بلوك بىلەن بىرلىشىپ «ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت يىللىق مەجمۇئەسى» نى تەسىس قىلىپ، كەڭ تەسىر قوزغىغان. 1933-يىلدىن تارتىپ فرانسىيە شۆيۈەنىدە پروفېسسور بولغان. 1948-يىلدىن تارتىپ ئالىي تەجرىبە تەتقىقات يۇرتىنىڭ 6-ئىنستىتۇتىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1949-يىلى «يىللىق مەجمۇئە: ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت» نى داۋاملىق چىقارغان. «فرانسىيە قامۇسى» نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. جەمئىيەتنى تەتقىق قىلىشتىن قول سېلىپ تارىخ ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تەشەببۇس قىلغان، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پسىخولوگىيىنى تەتقىق قىلىشنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ «زېمىن ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى»، «تارىخ ئۈچۈن كۈرەش» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

فېتزگېرالد

  • فېتزگېرالد[يەشمىسى:]Francis Scott Key Fitzgerald، 1896 — 1940) ئامېرىكىلىق يازغۇچى. مىننېسوتا شتاتىدىكى ئىرلاندىيىلىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1913-يىلى پرىنستون داشۆسىدە ئوقۇغان، 1917-يىلى ئوقۇشتىن توختاپ ئەسكەرلىككە كىرىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇزاققىچە پارىژدا تۇرۇپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1920-يىلى «بۇ دۇنيادىكى راھەتباغ» دېگەن تۇنجى رومانى بىلەن دىققەت-ئېتىبارنى قوزغىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تولىسىدا ئۇرۇشتىن كېيىنكى «دژارلار دەۋرى» دەپ ئاتالغان ئامېرىكىدىكى «گاڭگىراپ قالغان» ياشلارنىڭ دۇنيادىن بىزار بولۇش كەيپىياتى ۋە شاللاق تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىمۇ چېچىلاڭغۇ بولۇپ، ئىقتىسادىي قىيىن ئەھۋالدا قالغان. ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن، ئاخىرقى بىرنەچچە يىلدا ھوللىۋود ئۈچۈن ئەسەر يېزىپ بېرىپ تۇرمۇشىنى قامدىغان. يۈرەك ئاغرىقى بىلەن ئۆلگەن. ئاساسىي ئەسەرلىرى:«بۈيۈك ئادەم گايتىسبى»، «نازاكەتلىك كېچە» ۋە ئۆلگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان «ئەڭ ئاخىرقى ماگنات» قاتارلىقلار.

فېتىشىزم

  • فېتىشىزم[يەشمىسى:] ئىپتىدائىي دىننىڭ بىر خىل شەكلى. ئىپتىدائىي ئادەملەر نۇرغۇن تەبىئىي نەرسىلەر (دەرەخ،تاش ۋەگۈل-گىياھ قاتارلىقلارنى) ۋە سۈنئىي نەرسىلەرنى (قورال-ياراق، كېرەكلىك ئەسۋابلارنى) گويا بىر تۈرلۈك روھقا ياكى تەبىئەتتىن تاشقىرى سىرلىق كۈچكە ئىگە دەپ قارىغانلىقتىن ئۇ نەرسىلەرگە دۇئا-تىلاۋەت قىلغان، چوقۇنغان شۇنىڭدەك ئۇ نەرسىلەردىن بالا-قازانى يوقىتىپ، بەخت-سائادەت ئاتا قىلىشنى ئىلتىجا قىلغان. ئادەتتە نەرسىلەرگە چوقۇنۇشنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار؛ بىر خىلى مەلۇم جىسىملارنىڭ تەبىئىي شەكلىگە، يەنى جىسىمنىڭ ئۆزىگە چوقۇنۇش؛ يەنە بىر خىلى روھىي نەرسىلەرگە چوقۇنۇش، يەنى سىمۋول خاراكتېرلىك نەرسىلەرنى تەبىئىي نەرسىلەرنىڭ روھى دەپ چوقۇنۇش. مەسىلەن، ئۇششاق تاش، دەرەخ شېخى قاتارلىقلار، بەزى روھىي نەرسىلەر. سۈنئىي بولغانلىرىمۇ بولۇپ، كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە بۇتقا چوقۇنۇش كېلىپ چىققان. فېتىشىزم مەلۇم شەيئىلەرگە بولغان خۇراپىيلىققا تەمسىل قىلىنغان. مەسىلەن: تاۋار ئېتىقادچىلىقى، پۇل ئېتىقادچىلىقى قاتارلىقلار.

فېدوروۋ

  • فېدوروۋ[يەشمىسى:]Евграф СтепановичФёдоров، 1853 — 1919) روسىيىلىك كرىستالشۇناس ۋە مىنېرالوگ. پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىدىكى. ھەربىي ئىشلار ئىنژېنېرى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1890—1910-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ موسكۋا يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى ۋە پېتربۇرگ كان شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان. بارلىق كرىستاللىق قۇرۇلمىلاردا بولۇشى مۇمكىن بولغان 230 خىل ئوخشاش بولمىغان تەڭداش ئېلېمېنتنىڭ تۈزۈلۈش فورمۇلىسى (يەنى «بوشلۇقلار») نى ھەممىدىن بۇرۇن نەزەرىيە جەھەتتىن ئىشلەپ چىققان، كېيىن Ⅹ نۇرىدا تەھلىل قىلىپ دەلىللىگەن ھەمدە كرىستال تەتقىقاتىدا ئىشلىتىلىدىغان «فېدوروۋ ئايلانما سۇپىسى» نى كەشپ قىلغان. گېئومېترىيىلىك كرىستالشۇناسلىق ۋە كرىستاللارنىڭ تۈزۈلۈش نەزەرىيىسى جەھەتتە خېلى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇنىڭ «تەڭ ئوقلۇق كرىستاللار شەكلىنىڭ سىممېترىيىلىكلىكى» ۋە «كرىستالشۇناسلىق» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

فېدوسېۋ

  • فېدوسېۋ[يەشمىسى:]Николай Евграфович Фодосеев، (1871 — 1898) روسىيىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ماركسىزم تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ بىرى. سوت تەھقىقلىگۈچىسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن چىقىرىلغان. كېيىن قازاندا لېنىن قاتناشقان بىرىنچى تۈركۈم ماركسىزمچىلار گۇرۇپپىسىنى قۇرغان. ئەسەر يېزىپ، نارودنىك مۇتەپەككۇرى مىخايلوۋىسكى بىلەن مۇنازىرىلەشكەن. 1889-يىلى 7-ئايدا چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. كېيىن كۆپ قېتىم سۈرگۈن قىلىنغان، قاماققا ئېلىنغان. 1892-يىلنىڭ باشلىرىدا ئوخرانكىنىڭ ئاشكارا نازارىتى ئاستىدا، ۋىلادېمىر ئۆلكىسىدىكى بەزى ياشلارنىڭ نارودنىكلارنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن؛ ئۇزاق مەزگىللىك نازارەت ئاستىدا داۋاملىق ئىنقىلابىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان، ئىلمىي سوتسىيالىزم ئىدىيىسىنى تارقاتقان. كېيىن ئىركۇتىسكىدا چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

فېردىناندⅠ

  • فېردىناندⅠ[يەشمىسى:]1)فېردىناندⅠ(FerdinandⅠ، 1503—1564).مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ھابىسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1556—1564). چارلېسⅤنىڭ ئۇكىسى.1521-يىلى ۋېنگرىيە مەلىكىسى ئاننا بىلەن توي قىلغان. شۇ يىلدىن باشلاپ، چارلېسⅤگېرمانىيىدە بولمىغان چاغلاردا ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرغان. ئاننانىڭ ئاكىسى، چېخىيە ۋە ۋېنگرىيىنىڭ كورۇلى لۇئى (LouisⅡ، 1506 — 1526) موخاچ جېڭىدە ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ چېخىيە ۋە ۋېنگرىيىنىڭ كورۇللۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1531-يىلى يەنە چارلېسⅤنىڭ تەخت ۋارىسى قىلىپ سايلانغان. 1546 — 1548-يىللاردا شمالكادېن(Schmalkalden) ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1552-يىلى چارلېس Ⅴ كە ۋەكالىتەن ساكسونىيىنىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى كىنەزى مورتز (Mortz، 1521 — 1553) بىلەن «پاسسائۇ شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. 1555-يىلى يەنە «ئاۋگسبۇرگ دىنىي سۈلھ شەرتنامىسى» نى پىلانلىغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە پادىشاھلىق ھوقۇق باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، گېرمانىيىنىڭ سىياسىي بۆلۈنۈشى كۈنسايىن كەسكىنلەشكەن. (2) فېردىناندوⅠ (FerdinandoⅠ، 1751 — 1825) نېئاپولنىڭ كورۇلى (1759 — 1806، 1815 — 1825)، ئىككى سىتسىلىيىنىڭ كورۇلى (1816 — 1825). بوربون جەمەتىنىڭ بىر تارمىقىغا مەنسۇپ. 1759-يىلى ئۇنىڭ دادىسى چارلېسⅢ ئىسپانىيىنىڭ كورۇللۇق تەختىگە چىققان، ئۆزى تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن بولسىمۇ ناپولى تەختىگە چىققان. دەسلەپتە باش ۋەزىر تانۇتىستىسى نائىب بولغان. 1767-يىلى ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئالغان. 1793-يىلى فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاققا كىرگەن. 1798-يىلى 12-ئايدا 60 مىڭ كىشىلىك ئارمىيە بىلەن رىمغا ھۇجۇم قىلغان، ئەمما فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، پۈتۈن قوشۇنى مەغلۇپ بولغان، ئۆزى ئەنگلىيە پاراخوتىغا چىقىپ سىتسىلىيە ئارىلىغا قېچىپ كەلگەن. ناپولى كورۇللۇقى ئاغدۇرۇلۇپ، پارتېنوپا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1799-يىلى فرانسىيە قوشۇنى نېئاپولدىن چېكىنگەندىن كېيىن، بۇ شەھەرنى قايتا ئىشغال قىلىپ، جۇمھۇرىيەتكە قاتناشقان ئىنقىلابچىلارنى شەپقەتسىز باستۇرغان. 1806-يىلى ناپولېئون جەنۇبىي ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلغاندا، يەنە سىتسىلىيە ئارىلىغا قېچىپ كەتكەن. 1815-يىلى ۋېنا يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، كورۇللۇق ئورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئىككىنچى يىلى قوشۇمچە ئىككى سىتسىلىيىنىڭ كورۇلى بولغان. 1820-يىلى ناپلېستا ئىنقىلاپ پارتلاپ، ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇقەددەس ئىتتىپاقتىن ياردەم تىلىگەن، كېيىن ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرگەن. (3) فېردىناندⅠ (FerdinandⅠ، 1861—1948)، بۇلغارىيىنىڭ كىنەزى (1887 — 1908) ۋە چار پادىشاھى (1908 — 1918). بۇلغارىيە كوبۇرگ سۇلالىسىگە ئاساس سالغۇچى. گېرمانىيىنىڭ ساكسونىيە-كوبۇرگ-ك-وھارى (Kohary)-Coburg-Sachsen شاھزادىسى ئاۋگۇستنىڭ ئوغلى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە بۇرژۇئازىيە ئەكسىيەتچىل كۈچلىرىنى قوللاپ، تېرورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويغان. سىرتقا قارىتا، 1913-يىلى 6-ئايدا ئىككىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىنى قوزغاپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە مايىل سىياسەت يۈرگۈزۈپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1918-يىلى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر مەغلۇپ بولغاندا، گېرمانىيىگە قېچىپ كەتكەن.

فېررې

  • فېررې[يەشمىسى:]CharlesTheophil Giles Ferre، 1845 — 1871) 1871-يىلدىكى فرانسىيە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئاساسىي رەھبەرلىرىدىن بىرى. بلانكىزمچى. كېلىپ چىقىشى نامرات، بوغالتىر ۋە ئاخبارات مۇخبىرى بولغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا جۇمھۇرىيەتچىلىك ۋە سوتسىيالىستىك ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان، كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. 1870-يىلى 4-سېنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىگە قاتناشقان، 20-رايون مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.1871-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى پارىژ ئىشچىلار قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتناشقان، كوممۇنا ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە 1-، 2-نۆۋەتلىك ئامانلىقنى ساقلاش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 5-ئاينىڭ 1-كۈنى كوممۇنا تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىن كوممۇنىنىڭ ساقچى ئىدارىسىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان، ئەكسىلئىنقىلابنى قەتئىي باستۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. «ماي قانلىق ھەپتىلىكى» كۈرىشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ، 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن.

فېرسمان

  • فېرسمان[يەشمىسى:]Александр Евгеньевич Ферсман، 1883 — 1945) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يەر شارى خىمىكى ۋە مىنېرالوگىيە ئالىمى. سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاكادېمىكى. 1907-يىلى موسكۋا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. ئۇزاق ۋاقىت ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولغان ھەمدە تەبىئىي پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، مۇزېينىڭ باشلىقى بولغان، «تەبىئەت» ژۇرنىلىنى چىقارغان؛ ئورال، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا كۆپ قېتىم ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بەزى مۇھىم كانلارنى تاپقان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى: «يەر شارى خىمىيىسى» ۋە «پېگماتىتىنىڭ ئىلمىي ئەھمىيىتى ۋە رېئال ئەھمىيىتى» قاتارلىقلار. ئۇ يەنە «قىزىقارلىق يەر شارى خىمىيىسى» ۋە «قىزىقارلىق مىنېرالوگىيە» دېگەنگە ئوخشاش ئاممىباب ئوقۇشلۇقلارنى يازغان.

فېرمى

  • فېرمى[يەشمىسى:]Enrico Fermi)(1901— 1954)ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئىتالىيە ئاتوم فىزىكى. رىمدا تۇغۇلغان. 1922-يىلى پىسا داشۆسىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. كېيىن لىيدىن، گېتتىنگېن، رىم قاتارلىق داشۆلەردە بىلىم ئاشۇرغان. 1926 — 1938-يىللىرى رىم داشۆسىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1939 — 1945-يىللىرى ئامېرىكىدىكى كولومبىيە داشۆسىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1945— 1954-يىللىرى چىكاگو داشۆسىدە ئوقۇتقۇچى بولغان ھەمدە ئامېرىكا ئاتوم ئېنېرگىيىسى مەسلىھەت بېرىش ئورنىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. ئاتوم ئېنېرگىيىسى تەتقىقاتى جەھەتتە پائۇل سىغدۇرماسلىق قائىدىسىگە ئاساسەن، ئەنگلىيە فىزىكا ئالىمى دىراكنىڭكىگە ئوخشاش تەتقىقات نەتىجىسىگە ئىگە بولغان، ئۇ «فېرمى-دىراك ھېسابلاش ئۇسۇلى» دەپ ئاتالغان. شۇنداقلا β سىزىقلىق ئاجرىلىش مىقدارى نەزەرىيىسىنى ئىشلەپ چىققان، كېيىن «ئىسسىق نېيتروننىڭ كېڭىيىش نەزەرىيىسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان (1938-يىلى). 1942-يىلى ئامېرىكىدا دۇنيا بويىچە تۇنجى ئاتوم رىئاكتورىنى قۇرۇپ چىقىشقا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە ئاتوم بومبىسىنى ئىشلەش ئىشىغا باشچىلىق قىلغان. شۇنداقلا ئېلېكترون زەربىسىنىڭ سۈنئىي رادىئوئاكتىپ پەيدا قىلىشىدىن پايدىلىنىپ يېڭى رادىئو ئاكتىپلىق ئېلېمېنتنى، ئاستا نېيتروننى ۋە ئاتومنىڭ زەنجىرسىمان تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كەشپ قىلغان. كېيىن چىكاگودا كېسەل بىلەن ئۆلگەن. ئۇنىڭ فىزىكىدىكى تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئاتوم يادروسىنىڭ فىزىكىلىق ئۇزۇنلۇق بىرلىكى(01 13 cm) فېرمىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئېلېمېنتلار جەدۋىلىدىكى 100-ئېلېمېنت «فېرمىئۇم» (Fermium) دەپ ئاتالغان.

فېرناندوⅠ

  • فېرناندوⅠ[يەشمىسى:]FernandoⅠ، تەخمىنەن 1345 — 1383) پورتۇگالىيىدىكى بۇرگۇندى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى (1367 — 1383). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، دېڭىزچىلىقنى رىغبەتلەندۈرگەن؛ «بوز يەرلەرنى تەقسىم قىلىش قانۇنى» نى تۈزگەن، كۆچمەنلەرنى دېھقانچىلىق قىلىشقا مەجبۇرلىغان؛ پورتۇگالىيە ئىككى قېتىم كاستىللانىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان.

فېرناندوⅡ

  • فېرناندوⅡ[يەشمىسى:]FernandoⅡ، فېرناندوⅡ)(1)(1452 — 1516) كاستىللا كورۇلى(فېرناندو Ⅴ دەپ ئاتالغان، 1474 — 1504) ۋە ئاراگون كورۇلى (فېرناندو Ⅱ دەپ ئاتالغان، 1479 — 1516). ئاراگون كورۇلى خۇئان Ⅱ نىڭ ئوغلى. 1469-يىلى، ئۇ كاستىللا كورۇلى ئېنرىك Ⅳ نىڭ سىڭلىسى، تەخت ۋارىسى ئىسابېل بىلەن توي قىلغان، ئېنرىك Ⅳ1474-يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ خوتۇنى بىلەن بىللە كاستىللاغا كورۇل بولغان. كاستىللادىكى بىر قىسىم دىنىي، دەھرىي ئاقسۆڭەكلەر يەنە بىر مەلىكە خۇئەننانى يۆلەپ، ئىسابېلغا قارشى چىققان. بۇ ئىش پورتۇگالىيە كورۇلى ئالفونسو Ⅴ ۋە فرانسىيە كورۇلى لوئى Ⅺ نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. فېرناندوⅤ ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەر ۋە شەھەر ئاھالىسىگە تايىنىپ، 1476-يىلى تورو (Toro) جېڭىدە ئالفونسو Ⅴ نى يېڭىپ، پادىشاھلىق ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىگەن. 1479-يىلى ئاراگوننىڭ كورۇللۇق تەختىگە چىققان، شۇنداق قىلىپ، كاستىللا ئاراگون بىلەن رەسمىي قوشۇلغان. كېيىن 1484 — 1486-يىللاردىكى كاتالونىيە دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1492-يىلى ئەرەبلەردىن ئىبېرىئان (Iberian) يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تايانچ پونكىتى گرانادانى قايتۇرۇۋالغان. شۇ يىلى، كولومبونىڭ ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىشىغا ماددىي ياردەم بەرگەن. 1495-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى، پاپا،ۋېنېزىيە ۋە مىلانلار بىلەن فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق قۇرۇپ، فرانسىيە قوشۇنىنى ناپلېسدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلغان («ئىتالىيە ئۇرۇشى» غا قاراڭ). 1504-يىلى ئىككى سىتسىلىيە كورۇللۇقىنى قوشۇمچە ئۆز ئۈستىگە ئالغان (فېرناندو Ⅲ دەپ ئاتالغان). 1512-يىلى ناۋاردا كورۇللۇقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى قوشۇۋېلىپ، ئىسپانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئورۇندىغان. (2) فېردىناندⅡ (FerdinandⅡ، 1578 — 1637). مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ھابسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1619 — 1637). سىترىيە(Styria، ھازىرقى ئاۋسترىيە زېمىنىدا) كىنەزى چارلېسنىڭ ئوغلى، شۇڭا (ستىرىيىلىك) فېردىناند دەپمۇ ئاتالغان. 1617-ۋە 1618-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چېخىيە ۋە ۋېنگرىيىلەرنىڭ كورۇللۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. چېخىيە خەلقى ھابسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ زۇلمىغا چىدىماي، 1618-يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ۋە ئىككىنچى يىلى ئۇنىڭ كورۇللۇقىنى بىكار قىلىپ، پفالز (پالاتىناتې) نىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى كىنەزى، پروتىستانت ئىتتىپاقىنىڭ سەردارى فرېدرىخ Ⅴ نى چېخىيىنىڭ كورۇلى قىلىپ كۆتۈرگەن. فېردىناند Ⅱ باۋارىيە كىنەزى، كاتولىك ئىتتىپاقىنىڭ سەردارى ماكسىمىلىئان Ⅰ غا تايىنىپ، ئەسكەر يۆتكەپ چېخ خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان، شۇنىڭ بىلەن 30 يىللىق ئۇرۇش (1618 — 1648) پارتلىغان. 1620-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئاقتاغ جېڭىدە كاتولىك ئىتتىپاقىنىڭ ئارمىيىسى چېخ ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، چېخىيىنى يېڭىباشتىن ھابسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا تاشلىغان. كېيىن فېردىناند يەنە 1626-يىلىدىكى يۇقىرى ئاۋسترىيە دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. (3) فېردىناندⅡ(Ferdinando Ⅱ، 1810 — 1859). ئىككى سىتسىلىيە كورۇللۇقىنىڭ كورۇلى (1830 — 1859). سىتسىلىيىدىكى پالېرمودا تۇغۇلغان. 1830-يىلى دادىسى فرانتىسىس Ⅰ (FrancisⅠ، 1777 — 1830) نىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان، يۇقىرى بېسىم سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئۈزلۈكسىز كەڭ كۆلەملىك قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1848-يىلى سىتسىلىيىدە خەلق قوزغىلىڭى پارتلاپ، ياۋروپانى قاپلىغان، 1848-يىلى ئىنقىلابنىڭ مۇقەددىمىسىگە ئايلانغان. ياندۇرقى يىلى قوشۇن ئەۋەتىپ، بۇ قوزغىلاڭنى شەپقەتسىز باستۇرغان ۋە بۇ ئارالدىكى ئاساسىي شەھەرلەرنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك تۈزلەڭگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن، شۇڭا، «سىنارەت كورۇل» دەپ نام ئالغان. ئىنقىلاب باستۇرۇلغاندىن كېيىن، 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى نېئاپول تۈرمىلىرىگە قامىغان. ئۇنىڭ دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقى مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى جامائەت پىكرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

فېرناندوⅦ

  • فېرناندوⅦ[يەشمىسى:]ⅦFernando، 1784 — 1833). ئىسپانىيە كورۇلى (1808، 1814 — 1833). چارلېس Ⅳ نىڭ ئوغلى. دادىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، خانىكىنىڭ ئامراق ئادىمى گودوي بىلەن ئەپ بولالمىغان. 1808-يىلى 3-ئايدا، ئارانجۇئېز (Aranjuez) خەلقىنىڭ قوزغىلىڭى چارلېس Ⅳ نى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلغاندىن كېيىن، تەختكە چىققان. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ناپولېئوننىڭ چاقىرتىشى بىلەن فرانسىيىنىڭ چېگرا شەھىرى بايوننې (Bayonne) غا بېرىپ، كورۇللۇق تەختىنى دادىسىغا بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن فرانسىيىدە قامالغان. 1814-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ، يېڭىباشتىن تەختكە چىققان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، 1812-يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئىسپانىيىدە 1820 — 1823-يىللاردىكى ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، 1812-يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئىنقىلابقا قارشى لاگېرغا ئاستتىرتىن رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە مۇقەددەس ئىتتىپاقتىن ياردەم تىلىگەن. ئىنقىلاب فرانسىيىنىڭ مۇداخىلىچى قوشۇنى تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىنقىلابچىلارغا شەپقەتسىزلەرچە زىيانكەشلىك قىلغان ھەمدە مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن مەملىكەت ئىچىدە كورۇللۇق تەختىنى تالىشىدىغان كارلوس ئۇرۇشى پارتلىغان.

فېرناندېس دېلساردى

  • فېرناندېس دېلساردى[يەشمىسى:]Jose Joaquin Fernandez de Lizardi، 1776 — 1827) مېكسىكىلىق سىياسىي ئوبزورچى، يازغۇچى. مېكسىكا مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىگە قاتناشقان. «ھۆكۈمەت ئاخباراتى» نىڭ مۇھەررىرى بولغان، «ئامېرىكا قىتئەسى فېگارو گېزىتى»، «مېكسىكا مۇتەپپەككۇرى» قاتارلىقلارنى باشقۇرغان. زوراۋانلىق ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلغان. مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ۋە چېركاۋنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. 1814-يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى «بېشەم شاتۇتى»، «غەمكىنلىك كېچە»، «دون كىخوت ۋە ئۇنىڭ بىر نەۋرە سىڭلىسى» ۋە «دون كاترىن دې لافاچىندا» قاتارلىقلار.

فېس شەرتنامىسى

  • فېس شەرتنامىسى[يەشمىسى:]ماراكەشنى فرانسىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرىدىغان شەرتنامە. 1912-يىل 3-ئاينىڭ 30-كۈنى فېس (Fes) شەھىرىدە ئىمزالانغان. شەرتنامىدە ماراكەش زېمىنىنى فرانسىيە ئارمىيىسى ئىشغال قىلىدۇ؛ تانژېر شەھىرى ماراكەشنىڭ زېمىنى ئىچىدە بولمىغان ئالاھىدە شەھەر قىلىنىدۇ؛ ماراكەشنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە چوڭ ھوقۇقىنى فرانسىيە باش نازارەتچىسى باشقۇرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ شەرتنامە 1956-يىل 3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى «فرانسىيە-ماراكەش بىرلەشمە باياناتى» دا بىكار قىلىنغانلىقى جاكارلانغان.

فېلىپⅢ

  • فېلىپⅢ[يەشمىسى:] Filipe Ⅲ، 1578 — 1621)، ئىسپانىيىنىڭ كورۇلى (1598 — 1621). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ئوردا تۇرمۇشىغا مەپتۇن بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى يېقىن ۋەزىرى كىنەز لېرما (Francisco Gōmez de Sandoval y Rojas du quede Lerma، 1553 — 1625) نىڭ باشقۇرۇشىغا تاشلاپ قويغان. 1609-يىلى پەرمان چۈشۈرۈپ مورىسكوسلارنى قوغلاپ چىقارغان، شۇنىڭ بىلەن ئىسپانىيە ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ بەرگەن. شۇ يىلى نېدىرلاندىيە بىلەن «ئۇرۇشنى 12 يىل توختىتىش كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، ئەمەلىيەتتە نېدىرلاندىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

فېنىكىيە

  • فېنىكىيە[يەشمىسى:]Phoenicia) ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن ھازىرقى سۈرىيە ۋە لىۋاننىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلىرىغا توغرا كېلىدۇ. قەدىمكى مىسىرلىقلار ئۇنى «فېنىخ» دەپ ئاتىغان، گرېكلەر فېنىكىيە دەپ ئاتىغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا مەنىسى «جىگەر رەڭ مەملىكەت» (چۈنكى ئۇنىڭدىن ئالاھىدە مەھسۇلات — جىگەر رەڭ بوياق چىقىدىكەن) دېگەن بولىدىكەن. فېنىكىيىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىسى ھۇرتلار بولۇپ، مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرى سەمىتلەرنىڭ بىر تارمىقى بولغان كەنئانلار كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرى دېڭىز ياقىسىدا قۇللۇق تۈزۈمدىكى بىرقانچە شەھەر دۆلەتلىرى بارلىققا كەلگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىمراقلىرى شىمالدىن جەنۇبقىچە ئۇگارىت، بىبل، سىدون ۋە تىر لاردىن ئىبارەت بول-غان. ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ ئارىسىدا دائىم ئۇرۇش بولۇپ تۇرسىمۇ، ئەمما بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ شەكىللىنەلمىگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى ⅩⅤ ئەسىرلەردە مىسىر يېڭى پادىشاھلىقىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅣ ئەسىردىن ⅩⅢ ئەسىرگىچە مىسىر بىلەن ھىتت (كىچىك ئاسىيا) ئوتتۇرىسىدا تالىشىش ئوبيېكتى بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1200 ئىلگىرى يىللار ئۆپچۆرىسىدە، دائىم «دېڭىزدىكى مىللەت» نىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ ئەسىردە ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرى مۇستەقىللىكنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، بولۇپمۇ تىر بىلەن سىدون ئەڭ كۈچەيگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن ئاسسۇرىيە ۋە يېڭى بابىلونلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە پېرسىيە تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ماكېدونىيە ۋە رىمغا قارام بولغان. فېنىكىيىنىڭ شەھەرلىرىدە قول سانائەت، سودا ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۈزۈم ھارىقى، زەيتۇن يېغى، ئەينەك بۇيۇملار، ئەلا سۈپەتلىك ياغاچ ماتېرىياللىرى ۋە جىگەر رەڭ بوياق ماتېرىيالى قاتارلىقلا ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى ھەرقايسى جايلاردا سېتىلغان. فېنىكىيىلىكلەر سودىگەرچىلىك، دېڭىزچىلىق ۋە مۇستەملىكىچىلىك بىلەن مەشھۇر بولغان، شۇنداقلا ئۇلار دېڭىز قاراقچىلىقى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، كىشىلەرنى بۇلاپ قۇل قىلىپ ساتقان. ئۇلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ھازىرقى سىتسىلىيە ئارىلى، ساردېگنا ئارىلى، فرانسىيە، ئىسپانىيە (گېبېرالتار بوغۇزىدىن چىقىپ) ۋە شىمالىي ئافرىقىلارغىچە يەتكەن؛ ئۇلار قۇرغان مۇستەملىكىلەر ئىچىدە، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تىر تەرىپىدىن بىنا قىلغان كارفاگېن (ھازىرقى تۇنېستا) ئەڭ چوڭ ئىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1000-يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا فېنىكىيىلىكلەر غەربىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلىنىپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى يۇنانلىقلار بىلەن كەسكىن رىقابەت ئېلىپ بارغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرى (ياكى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ بېشىدا) مىسىر فىرئەۋىنى نېخو فېنىكىيىلىك ماتروسلارنى ياللاپ، تارىختا تۇنجى قېتىملىق ئافرىقىنى ئايلىنىش دېڭىز سەپىرىنى ئورۇندىغان. فېنىكىيىلىكلەر مىسىرنىڭ تەسۋىرىي يېزىقى بىلەن مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ مىخ يېزىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅢ ئەسىردە جەمئىي 22 ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپىدىن تەركىب تاپقان يېزىق سىستېمىسىنى ئىجاد قىلغان. فېنىكىيە ھەرپلىرى قەدىمكى گرېك ھەرپلىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن، گرېك ھەرپلىرىدىن لاتىن ھەرپلىرى ۋە سىلاۋىيان ھەرپلىرى ھاسىل بولغان، شۇڭا ئۇ غەربنىڭ ئاساسىي يېزىق سىستېمىسىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەرقتە، فېنىكىيە ھەرپلىرى ئارامېيان ھەرپلىرى ۋە ھىندى ھەرپلىرى، ئەرەب ھەرپلىرى قاتارلىقلارغىمۇ مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. «فېنىكىيە ھەرپلىرى» گە قاراڭ.

فېنىن جەمئىيىتى

  • فېنىن جەمئىيىتى[يەشمىسى:]فېنىن (ئىنگلىزچە Fenians قەدىمكى ئىرلاندچە Fiann دىن كەلگەن) ئەسلىدە ئىرلاند رىۋايەتلىرىدىكى مەشھۇر بولغان خەلق تەشكىلاتى. 1858-يىلى ئىرلاندىيىدە ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات — ئىرلاندىيە ئىنقىلابى (ياكى جۇمھۇرىيەت) «بۇرادەرلەر جەمئىيىتى» قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلات ئۆزىنى «فېنىن» دەپ ئاتىغان. بۇ تەشكىلات ئۇششاق بۇرژۇئا رەھبەرلىكىدىكى ئىنتايىن مەخپىي ھەربىيلەشتۈرۈلگەن تەشكىلات بولۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرى ئىشچىلار ۋە ياللانما دېھقانلار. دەسلەپ ئىرلاندىيە ۋە ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن، كېيىن ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلارغا كېڭەيتىلگەن. ئۇلار مۇستەقىل ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. ئىزچىل ھالدا مەخپىي كۈرەش قىلىشنى ۋاسىتە قىلىپ كەلگەن. كېيىنرەك مەخپىي ئۆلتۈرۈش تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قاراپ راۋاجلانغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ۋە ⅩⅩئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئىرلاندىيە خەلقىنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭلىرىغا قاتناشقان.

فېنىن ھەرىكىتى

  • فېنىن ھەرىكىتى[يەشمىسى:]ⅩⅨئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن تارتىپ، ئىرلاندىيىدە بارلىققا كەلگەن ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەت. فېنىن جەمئىيىتىنى يادرو قىلغانلىقتىن فېنىن ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان. ئەنگلىيە، ئىرلاندىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردا كەڭ كۆلەمدە پائالىيەت قىلغان. ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، چوڭ پومېشچىك مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، مۇستەقىل ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. فېنىن جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى 1866-ۋە 1870-يىللىرى ئىككى قېتىم ئامېرىكىدىن كاناداغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، خەلقئارالىق توقۇنۇش پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئىرلاندىيىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن پايدىلىق شەرت-شارائىت يارىتىشقا ئۇرۇنغان. 1867-يىلى 3-ئايدا ئىرلاندىيە قوراللىق قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭنىڭ كۆپ قىسىم رەھبەرلىرى مۇددەتسىز ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئۈچ نەپەر قوزغىلاڭچى دارغا ئېسىلغان، كىشىلەر بۇنى «مانچېستېردىكى ئۈچ شېھىد» دەپ ئاتىغان. بۇ ھەرىكەت دېھقانلار ۋە شەھەر-بازارلاردىكى ئاددىي خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئەنگلىيە ئىشچىلىرىنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشكەن. بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالمۇ ھەرقايسى ئەللەر پرولېتارىياتلىرىنى فېنىن ھەرىكىتىنى قوللاشقا سەپەرۋەر قىلغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭدىن كېيىن ھەرىكەت پەيدىنپەي پەسىيىشكە قاراپ ماڭغان.

فېئودال

  • فېئودال[يەشمىسى:] فېئودال خوجىلىق يەر ئىگىسىنىڭ قىسقارتىلمىسى. غەربىي ياۋروپادىكى چوڭ فېئوداللار بولۇپ، ئۆزىنىڭ خوجىلىق يېرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىدىن ئەۋلادمۇ ئەۋلاد بەھرىمەن بولغان ھەمدە خوجىلىق يېرىدىكى بېقىندا دېھقانلار ۋە باشقا ئاھالىلەرنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغان ھەم ئەزگەن. فېئوداللىق تەپرىقىچىلىق دەۋرىدە، ئۆزىنىڭ خوجىلىق يېرىدە يەنە مەمۇرىي، ئەدلىيە، ھەربىي ۋە مالىيە قاتارلىق ھوقۇقلارغا ئىگە بولۇپ، پادىشاھ ئۇنىڭغا ئارىلىشالمىغان، بەلكى قانۇنىي جەھەتتە ئېتىراپ قىلغان («ئىلتىپات قىلىنغان ئىمتىياز»غا قاراڭ).

فېئودال

  • فېئودال[يەشمىسى:]«سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى» گە قارالسۇن.

فېئودال سوتسىيالىزم

  • فېئودال سوتسىيالىزم[يەشمىسى:]زاۋاللىققا يۈز تۇتقان فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر خىل ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-ۋە 40-يىللىرى فرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تارقالغان. فرانسىيىدىكى ۋىللېنېۋي-بارگېمونت (-Jean Paul Alban Villeneuve Bargemont، 1784 — 1850) قاتارلىقلارنى ئاساسلىق ۋەكىل قىلغان. ئۇلار سوتسىيالىزم ۋىۋىسكىسىنى ئېسىۋېلىپ، يالغاندىن ئىشچىلار مەنپەئىتىنى قوغدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، كاپىتالىزمغا زەربە بېرىش ئارقىلىق فېئوداللىق تۈزۈمنى گۈزەللەشتۈرگەن، فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيىنى كاپىتالىستىك ئېكسپىلاتاتسىيىدىن ياخشى، ئىشچىلار تۇرمۇشىنىڭ نامراتلىشىپ كېتىشى فېئوداللىق سۇلالىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشىنىڭ نەتىجىسىدىن بولغان، دېگەننى تەرغىپ قىلغان. ھەدەپ فېئودال ئىستىبداتلىق ھاكىمىيەت «دۇنيانى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ» ۋە جەمئىيەتنى «سوتسىيالىزم» غا باشلايدۇ، دەپ جار سالغان. ئەكسىيەتچىل سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، بۇرژۇئازىيە ھۆكۈمرانلىقى ئىنقىلابىي پرولېتارىياتنى پەيدا قىلغان، دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە بۇرژۇئازىيىنىڭ پرولېتارىياتنى باستۇرۇشىدىكى قولچۇماق بولغان. ئەمەلىيەتتە ئاغدۇرۇلغان فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قايتا تىرىلىش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

فېئوداللىق دىنىي ھاكىمىيەت ئىتتىپاقى

  • فېئوداللىق دىنىي ھاكىمىيەت ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]ئاۋسترىيىدىكى ئۇچىغا چىققان كلېرىكالىزمچىلارنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلاتقا پولشا كۇلۇبى، چېخ كۇلۇبى ۋە خوخېنۋارت (Karl Sigmund Hohen Wart) گۇرۇھى قاتارلىقلار قاتناشقان. سىياسىي جەھەتتە «تۆمۈر چەمبىرەك» نى شەكىللەندۈرۈپ، ئېدۋارد تاف ئىچكى كابىنېتنىڭ (1879 — 1893) مۇتەئەسسىپ سىياسىتىنى قوللىغان. 1893-يىلى تاف ئىچكى كابىنېتنىڭ تەختتىن چۈشۈشى بىلەن بۇ تەشكىلاتنىڭ سىياسىي تەسىرىمۇ يوقالغان.

فېئۇئىللان كلۇبى

  • فېئۇئىللان كلۇبى[يەشمىسى:]فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىي مەزگىلىدىكى لىبېرال ئاقسۆڭەكلەر ۋە چوڭ پۇل-مۇئامىلە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سىياسىي گۇرۇھ. 1791-يىلى6-ئايدا لۇئى ⅩⅥۋارېننېس (Varennes) قا قېچىپ بېرىپ تۇتۇلغاندىن كېيىن، ياكۇبىن كلۇبىدا كورۇلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرماسلىق مەسىلىسى ئۈستىدە كەسكىن كۈرەش ۋە ئىختىلاپ يۈز بەرگەن، لافايېت ۋە ئاكا-ئۇكا لامېتلار، دۇفورت، بارناۋې باشچىلىقىدىكى كونسېرۋاتىپلار 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ياكۇبىن كلۇبىدىن چېكىنىپ چىقىپ، يېڭى كلۇب قۇرۇپ ياكۇبىن كلۇبى بىلەن قارشىلاشقان، بۇ يېڭى ك-لۇب-نىڭ يىغىن ئورنى فېئۇئىللان (Feuillants) موناستىرىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئۇ يۇقىرى بەدەل پۇلى تاپشۇرۇش شەرتى ئارقىلىق ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيىنىڭ كۇلۇبقا كىرىشىنى چەكلەپ، كورۇلنى ھىمايە قىلىدىغان كونسېرۋاتىپ كۈچلەرنى يىغقان. پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، كورۇلنى بىكار قىلىشقا ۋە جۇمھۇرىيەتنى يولغا قويۇشقا قارشى تۇرغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، كورۇل بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى باستۇرغان ھەمدە كورۇللۇق ھاكىمىيەتنى قوغدايدىغان ۋە خەلقنىڭ سىياسىي پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى چەتكە قاقىدىغان 1791-يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلغان. ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىدا جاھىل ئوڭچىلارغا ئايلانغان. 1792-يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى پارىژ خەلق قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ئۆز پائالىيىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان.

فېۋرال ۋەقەسى

  • فېۋرال ۋەقەسى[يەشمىسى:]چېخوسلوۋاكىيە بۇرژۇئازىيىسى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن پەيدا قىلغان ھۆكۈمەت كرىزىسى. چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى بىرلەشمە ھۆكۈمىتىگە قاتناشقان بۇرژۇئازىيە پارتىيىسىنىڭ 12 مىنىستىرى 1948-يىل 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىستېپا بېرىپ، كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ بۇرژۇئازىيە، بومېشچىكلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. چېخوسلوۋاكىيە خەلقى كومپارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاپ ۋە ئاممىۋى قوراللىق نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئەكسىيەتچىلەرنىڭ سۇيىقەستىنى تارمار قىلىپ، گوتتۋالد باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنى قۇرغان. شۇ يىلى 5-ئايدا يېڭى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغان. 6-ئايدا گوتتۋالد جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان.

فېييېرباخ

  • فېييېرباخ[يەشمىسى:]Ludwig Andreas Feuerbach، 1804 — 1872) گېرمانىيىلىك ماتېرىيالىستىك پەيلاسوپ. باۋارىيىلىك قانۇنشۇناس ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1828-يىلى ھېيدېلبېرگ داشۆسىدە ئىلاھىيەتنى ئۆگەنگەن. ياندۇرقى يىلى بېرلىن داشۆسىگە كىرىپ پەلسەپىنى تەتقىق قىلغان. 1828-يىلدىن باشلاپ ئىرېلانگېن داشۆسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، پەلسەپە تارىخى، لوگىكا ۋە مېتافىزىكىدىن دەرس بەرگەن. 1830-يىلى «ئۆلۈم ۋە ئۆلمەيدىغان ئىدىيە توغرىسىدا» دېگەن كىتابنى ئىسىمسىز ئېلان قىلىپ، خرىستىئان چېركاۋىغا چېقىلىپ قويغانلىقتىن، خىزمەتتىن بوشىتىلغان. 1836-يىلدىن باشلاپ 20 نەچچە يىل تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاپ، مەخسۇس پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1839-يىلى گېگېل پەلسەپىسىدىن ئۈزۈل-كېسىل قول ئۈزۈپ، پەيدىنپەي ماتېرىيالىست بولۇپ قالغان. 1848 — 1849-يىللاردىكى گېرمانىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە، چېركاۋغا ۋە فېئوداللىق تۈزۈمگە قارىتا تەنقىد قىلىش پوزىتسىيىسىدە تۇرغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تۇرمۇشى ئىنتايىن نامراتلىقتا ئۆتكەن، شۇنداقلا سوتسىيالىزم نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىشقا ئۆتكەن. 1870-يىلى گېرمانىيە سوتسىيال-دېموكرات ئىشچىلار پارتىيىسى (ئېيزىناخچىلار) گە كىرگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي تۆھپىسى شۇكى، ئىدېئالىزم گېرمانىيە پەلسەپە ساھەسىدە نەچچە ئون يىل ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن، ماتېرىيالىزمنىڭ نوپۇزىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. تەبىئەتنىڭ ئاڭدىن ئايرىلغان ھالدا مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، ماكان، زامان ۋە مېخانىك ھەرىكەتنىڭ ماددىنىڭ مەۋجۇدىيەت شەكلى ئىكەنلىكىنى، ئادەمنىڭ تەبىئەتنىڭ مەھسۇلى، تەپەككۇر بىلەن مەۋجۇدىيەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمنىڭ ئوبيېكتىپ دۇنيانى ۋە ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى بىلەلەيدىغانلىقىنى پەلسەپە جەھەتتىن مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئۇنىڭ ماتېرىيالىزمى ئانتروپولوگىزم شەكلىدە مەيدانغا كەلگەن. لېكىن ئۇ ئىنقىلابىي ئەمەلىيەتنىڭ ئەھمىيىتىنى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى دىئالېكتىك رولىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ئۆزگىرىشىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، ئادەمنى پەقەت تارىختىن ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىن ئايرىلغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بىر خىل جانلىق مەخلۇق دەپ قارىغان، ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى ئىدېئالىستىك ھالدا چۈشەندۈرگەن. دىننى ئىنكار قىلغان، بىراق يەنە بىر خىل خۇداسىز «دىن» نى بەرپا قىلىش ئارقىلىق سىنىپتىن تاشقىرى «مۇھەببەت» نى تەرغىپ قىلىشقا ئۇرۇنغان. گېگېلنىڭ ئىدېئالىزمىنى تەنقىد قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە دىئالېكتىكىدىن ۋاز كەچكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ماتېرىيالىزمى مېتافىزىكىلىق چەكلىمىلىككە ئىگە بولۇپ قالغان. ماركس، ئېنگېلس ئىنقىلاب ئەمەلىيىتى ئاساسىدا، فېييېرباخ پەلسەپىسىنىڭ «ئاساسىي مېغىزى» نى تەنقىدىي قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئىدېئالىستىك ۋە مېتافىزىكىلىق ئەخلەتلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئىلمىي، ئىنقىلابىي دىئالېكتىك ماتېرىيالىزمنى بەرپا قىلغان، شۇڭا فېييېرباخ پەلسەپىسى ماركسىزملىق پەلسەپىسىنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن: «گېگېل پەلسەپىسىگە تەنقىد»، «خرىستىئان دىنىنىڭ ماھىيىتى»، «كەلگۈسىدىكى پەلسەپە قائىدىلىرى» قاتارلىقلار بار.

فىبىگېر

  • فىبىگېر[يەشمىسى:]Johannes Andreas Grib Fibiger، 1867 — 1928) دانى-يىلىك پاتالوگ. 1890-يىلى كوپېنھاگېن داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن گېرمانىيىگە بېرىپ بېرلىندا ئىشلىگەن. 1900-يىلى كوپېنھاگېن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1913-يىلى، يۇقۇملانغان سۇۋەرەك ئارقىلىق چاشقان ئاشقازىنىدا سۈنئىي راك پەيدا قىلغىلى بولىدۇ، دەپ ئېلان قىلغان. 1926-يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. كېيىن ئۇنىڭ تەجرىبىسىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلانمىغان. لېكىن خىمىيىۋى ئۇسۇلدا سۈنئىي يول بىلەن راك پەيدا قىلىش تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىغان.

فىچ

  • فىچ[يەشمىسى:]Clyde Fitch، 1865 — 1909) ئامېرىكىلىق دراماتۇرگ. ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك شتاتىدىكى بىر ئوفىتسېر ئائىلىسىدىن چىققان. دەسلەپكى يىللاردا خارتفوردقا كۆچۈپ بارغان. 1886-يىلى ئامېرىست شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. فرانسىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ، ياۋروپانىڭ شەھەر تۇرمۇشى بىلەن تونۇشقان. پارىژدا ئۆلگەن. جەمئىي 30 نەچچە سەھنە ئەسىرى يازغان، ئۇلارنىڭ تولىسى كومېدىيە، ئۇ ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى زوقلىنىش پوزىتسىيىسى بىلەن تەسۋىرلىگەن ھەم مەسخىرىمۇ قىلغان، سۆزلىرى ئاجايىپ قىزىقارلىق. ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا ماھارەت ۋە شەكىلگە ئەھمىيەت بەرگەن.ئاساسىي ئەسەرلىرى ئىچىدە تارىخىي درامىدىن «باربارا فرىچ»، «شەھەر»، كىچىك ئوپېرادىن «مېنىڭ لىلەنىم» قاتارلىقلار بار.

فىدالگو

  • فىدالگو[يەشمىسى:]Fidalgo) ئوتتۇرا ئەسىردىكى پورتۇگالىيىدىكى ئوتتۇرا، ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەر قاتلىمى. ئىسپانىيىدىكى ھىدالگۇغا ئوخشاپ كېتىدۇ.

فىرئەۋىن

  • فىرئەۋىن[يەشمىسى:]Pharaoh پاروخ) نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، ئەسلى مەنىسى «پادىشاھ ئوردىسى» دېگەنلىك. قەدىمكى مىسىر پادىشاھلىرىنىڭ نامى. قەدىمكى مىسىرلىقلار پادىشاھنىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالالمىغانلىقتىن «فىرئەۋىن»دەپ ئاتىغان. تەخمىنەن ئوتتۇرا پادىشاھلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە «فىرئەۋىن» دېگەن سۆز پادىشاھقا قىلىنغان مەدھىيە تەرىقىسىدە قوللىنىلغان (مەسىلەن، پادىشاھ ئوردىسى، ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي، دېگەندەك). پادىشاھنىڭ رەسمىي ھۈرمەت نامى ئورنىدا ئىشلىتىلىشى يېڭى پادىشاھلىق دەۋرى (مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى) دە باشلانغان. فىرئەۋىن دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي ۋەكىلى بولۇپ، ھەربىي، مەمۇرىي، ئەدلىيە ۋە دىنىي جەھەتلەردىكى ھوقۇقنى تەنھا ئىگىلەپ، ئىستىبداتلىق ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويغان، پۇقرالىرىغا قارىتا چەكسىز ھوقۇققا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىرادىسى قانۇن ھېسابلانغان. فىرئەۋىن ئۆزىنى قۇياش تەڭرىسى ئامۇننىڭ ئوغلى دەپ ئاتىشىپ، پۇقرالىرىنى ئۆزلىرىگە تەڭرى قاتارىدا چوقۇنۇشقا ئەمر قىلغان.

فىردەۋسى

  • فىردەۋسى[يەشمىسى:]Firdausi، تەخمىنەن 934 ياكى 941 — 1020) پېرسىيە شائىرى. ھەقىقىي ئىسمى ئەبۇل قاسىم مەنسۇر، تۇس شەھىرى (Tus، ھازىرقى ئىراننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى فىردەۋىس Firdaus) دىكى بىر ئاقسۆڭەڭنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئوبدان تەربىيە كۆرگەن، ئىراننىڭ قەدىمكى زامان تارىخى ۋە خەلق ئارىسىدىكى چۆچەكلەردىن ئوبدان خەۋەر تاپقان. «شاھنامە» (Shah Nameh) دېگەن داستانى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنى مىلادى 976-يىلى ئىشلەشكە كىرىشىپ، 1010-يىلى پۈتتۈرگەن، ئۇنىڭغا 35 يىل ئەجىر قىلغان، داستاندا ئىراننىڭ قەدىمكى زامان رىۋايەتلىرى ۋە تارىخى بايان قىلىنغان، ۋەقەلەر مىلادى 641-يىلىغا كېلىپ توختىغان. ئۇ بۇ داستاننى غەزنەۋىيلەرنىڭ سۇلتانى ماھمۇدقا تەقدىم قىلغان، ئۇ بۇنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن. داستاندا ھۆكۈمرانلارنى زەردە بىلەن مەسخىرە قىلغانلىقتىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، كېيىن ھېرات، باغداد قاتارلىق جايلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، بۇ مەزگىلدە «قۇرئان» دىن ماتېرىيال ئېلىپ، «يۈسۈپ ۋە زىلەيخا» داستانىنى يازغان. كېيىن ئۆز يۇرتىدا ۋاپات بولغان.

فىزىئوكراتلار

  • فىزىئوكراتلار[يەشمىسى:]دېھقانچىلىق ئەلاچىلىقى ئېقىمىدىكىلەر) ⅩⅧ ئەسىردىكى فرانسىيە بۇرژۇئازىيە كلاسسىك سىياسىي-ئىقتىسادشۇناسلىق مەزھىپى. ئاساسلىق ۋەكىللىرى كېسناي (Quecnay) ۋە تۈرگوت. ئۇنىڭ تەلىماتى مېركانتىلىزمنىڭ قارىمۇ قارشى تەرىپى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن. بۇ نەزەرىيە «تەبىئىي تەرتىپ» نى چىقىش نۇقتىسى قىلغان. ئۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە «سۈنئىي تەرتىپ» كە قارىمۇ قارشى بولغان «تەبىئىي تەرتىپ» مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، دەپ قارىغان. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىدا كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمىغان ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن سىياسىي-ئىقتىسادشۇناسلىققا ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى تونۇش ۋەزىپىسى قويۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئىقتىسادىي نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: بارلىق بايلىقنىڭ مەنبەسى يەر، يېزا ئىگىلىك ساپ مەھسۇلات بىلەن تەمىن ئېتىدىغان، بايلىقنى كۆپەيتىدىغان بىردىنبىر ئىقتىسادىي تارماق، يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بىردىنبىر ئىشلەپ چىقارغۇچى سىنىپ؛ سانائەت-ئىشلەپچىقىرىش تارمىقى ئەمەس، ئۇ پەقەت ماددىي بايلىقنىڭ شەكلىنىلا ئۆزگەرتەلەيدۇ، يېڭى بايلىق يارىتالمايدۇ؛ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇۋاپىق قىممىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ بىرلا خىل باج تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يەر ئىگىلىرىدىن باج ئېلىش كېرەك؛ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش تەدبىرى قوللىنىش، سودىنىڭ مۇتلەق ئەركىن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تەبىئىي ئىقتىسادىي قانۇنىيەت ئۆز رولىنى جارى قىلىش كېرەك دېگەندىن ئىبارەت. تۇرگوت فرانسىيە باش مالىيە نازارەتچىسى بولغاندا (1774 — 1776) دېھقانچىلىق ئەلاچىلىقى سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ مەغلۇپ بولغان. فىزىئوكراتلار تەتقىقات مەركىزىنى ئوبوروت ساھەسىدىن ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە يۆتكەپ، ئېشىنچە قىممەت مەنبەسىنى ئىزدىگەن، شۇنىڭدەك جەمئىيەت ئومۇمىي كاپىتالىنىڭ تەكرار ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئوبوروتنىڭ كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان رولىنى تەتقىق قىلىپ، سىستېمىلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولغان تۇنجى ئېقىمدۇر. سىياسىي-ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن ھەمدە ئادام سىمىتقا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن.

فىسكې

  • فىسكې[يەشمىسى:]John Fiske، 1842 — 1901) ئەسلى ئىسمى ئېدمۇند فىسكې گرېن (Edmund Fiske Green). ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس، پەيلاسوپ. 1863-يىلى خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن قانۇن شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1869 — 1879-يىللىرى خارۋارد داشۆسىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. پات-پات ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى داشۆلەرنىڭ تەكلىپى بىلەن، جايلاردا دەرس ئۆتكەن. 1879-يىلى ۋە 1880-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەنگلىيىدىكى لوندون داشۆسىدە ۋە پادىشاھلىق ئىلمىي جەمئىيىتىدە ئامېرىكا تارىخىدىن دەرس بەرگەن. 1884-يىلى ۋاشىنگتون داشۆسىدە ئامېرىكا تارىخىدىن دەرس بەرگۈچى، قوشۇمچە پروفېسسور بولغان. 1895-يىلى خارۋارد داشۆسىگە قايتىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچى بولغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا مائارىپ مۇپەتتىشى بولغان. ئۇ ئەنگلىيە سىپېنسېر چاكىنا تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ ئېتىقادچىسى ۋە تەرغىباتچىسى بولۇپ، دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ئارقىلىق تارىخنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان، ئىرقچىلىق نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن «ئالەمنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان»، «ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىگە دۇنيا تارىخىي كۆز قارىشىدىن بىر نەزەر»، «ئامېرىكا ئىنقىلابى تارىخى»، «ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ تېپىلىشى» قاتارلىقلار بار.

فىشت

  • فىشت[يەشمىسى:]Johann Gottlieb Fichte، 1762 — 1814) گېرمانىيە كلاسسىك ئىدېئالىستىك پەيلاسوپى. كېلىپ چىقىشى نامرات. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېنا داشۆسى، لېيپىسىگ داشۆسىدە ئوقۇغان. كېيىن يېنا، بېرلىن داشۆلىرىدە پەلسەپە پروفېسسورى بولغان. ياشلىق دەۋرىدە كانتقا چوقۇنغان، لېكىن كېيىن كانت پەلسەپىسىدىكى ماتېرىيالىستىك ئامىللاردىن ۋاز كەچكەن، «ئۆزىدىكى نەرسە» (يەنى ئوبيېكتىپ شەيئى) نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان. «مەن» نى بىردىنبىر، ئىجادچانلىققا تولغان مەنىۋى ئەمەلىي نەرسە، بىلىشنىڭ سۇبيېكتى، بولۇپمۇ ئىرادىنىڭ ياكى پائالىيەتنىڭ سۇبيېكتى دەپ قارىغان. تەپەككۇر مۇستەقىل جەريان، ئۇ ئىچكى مۇقەررەرلىك بىلەن داۋام قىلىدۇ، ئوبيېكتىپ (يەنى «غەيرىي مەن») بولسا پەقەت سۇبيېكت («مەن») ئۈچۈن ئورنىتىلغان، شۇڭا «ئۆز-ئۆزىنى ئاڭقىرىش» بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئىجادچىسى، دەپ قارىغان. سىياسىي جەھەتتە بۇرژۇئا جۇمھۇرىيەتچىسى ۋە مىللەتپەرۋىرى. فېئودال ئىستىبداتلىق تۈزۈمىگە ۋە تەبىقە تۈزۈمىگە، جىسمانىي بېقىندىلىققا قارشى تۇرغان، بۇرژۇئا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ياكى پادىشاھلىق-ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى تەشەببۇس قىلغان. مىللەت ئەلاچىلىقىنى تەرغىپ قىلغان، نېمىس مىللىتىنىڭ مەنىۋى ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىكى چىرىكلىكتىن قۇتۇلۇپ، ناپولېئوننىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشنى قىزغىن چاقىرىق قىلغان. ئۇنىڭ «بىلىم ئاساسلىرى»، «ئادەمنىڭ بۇرچى»، «نېمىسلارغا سۆزلەنگەن نۇتۇقلار توپلىمى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

فىشېر

  • فىشېر[يەشمىسى:]Irving Fisher،1867— 1947) ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس، ستاتىستىكاشۇناسى. 1891-يىلى يېل داشۆسىدە دوكتور بولغان، كېيىن شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1893 — 1894-يىللىرى بېرلىن ۋە پارىژدا بىلىم ئاشۇرغان. 1896 — 1910-يىللىرى «يېل ئوبزورى» نى چىقارغان. 1898 — 1935-يىللىرى يېل داشۆسىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد پروفېسسورى بولغان. ئامېرىكا ئىقتىساد ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە ئۆلچەم-ئىقتىساد ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تەتقىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان، مۇئەييەن ۋاقىتتىكى مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئومۇمىي سودا مىقدارىنى ماتېماتىكىلىق فورمۇلا بىلەن ئىپادىلەشنى تەكىتلىگەن. ئالماشتۇرۇش تەڭلىمىسى (MV+M′V′=PT)نى كەشپ قىلغان. ئۇ، سۇبيېكتىپ ئۈنۈمنىمۇ ئۆلچىگىلى بولىدۇ؛ پايدا ئادەمنىڭ روھىي ھالىتىدە پەيدا بولىدۇ؛ «ئادەم چىدىماس كېلىدۇ»، «ۋاقىت غەنىيمەت»؛ مەبلەغنىڭ تاللىنىشى «ئۈنۈمنىڭ تەننەرخىدىن ئېشىپ كېتىش نىسبىتى» بىلەن بەلگىلىنىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن «قىممەت ۋە باھا نەزەرىيىسى ئۈستىدىكى ماتېماتىكىلىق تەتقىقات»، «پۇلنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى»، «ئۆسۈم نەزەرىيىسى» قاتارلىقلار بار.

فىلارېت

  • فىلارېت[يەشمىسى:] Филарет، تەخمىنەن 1554-ياكى 1555 — 1633) ئادەتتىكى نامى فېدور نىكىتىچ رومانوۋ (Фёдор Никитич Романов)، رۇس چوڭ ئاقسۆڭىكى، موسكۋا ۋە پۈتۈن روسىيە پراۋوسلاۋىيە دىنىنىڭ باش ئېپىسكوپى (1619 — 1633)، چارپادىشاھ مىخائىل فېدوروۋىچنىڭ دادىسى. روستوۋ ۋە تۇشنو ئارخېئېپىسكوپى بولغان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، پولشا فېئوداللىرى روسىيىگە قوراللىق مۇداخىلە قىلغاندا قولغا ئېلىنىپ، پولشادا قاماققا ئېلىنغان. 1618-يىلى 12-ئايدا چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى پولشا بىلەن تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، 1619-يىلى بوشىتىلىپ ۋەتىنىگە قايتۇرۇلغان. موسكۋاغا كەلگەندىن كېيىن ئوغلى تەرىپىدىن باش ئېپىسكوپلۇققا تەيىنلەنگەن، بارلىق پەرمانلارنى چار پادىشاھ بىلەن بىرلىكتە ئىمزالاپ جاكارلىغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان ئون نەچچە يىلدا، دۆلەتنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھۆكۈمرانى بولۇپ، «بۈيۈك شاھ» دەپ ئاتالغان. ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، كىچىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش سىياسىتىنى يولغا قويغان؛ دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، يانچىلىق تۈزۈمىنى قوغدىغان.

فىلمورىي

  • فىلمورىي[يەشمىسى:]Millard Fillmore ، 1800 — 1874) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى(1850 — 1853).خۇيگلاردىن. نيۇ-يورك شتاتىدا تۇغۇلغان. 1822-يىلى ئادۋوكات بولغان. 1829 — 1831-يىللىرى نيو-يورك شتاتىدا پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1833 — 1835-يىللىرى ۋە1837 — 1847-يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1849-يىلى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1850-يىلى 7-ئايدا زۇڭتۇڭ تايلور كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن ئۇنىڭ ئورنىغا زۇڭتۇڭ بولغان. «1850-يىلدىكى مۇرەسسە لايىھىسى» بويىچە جەنۇب-شىمال ئوتتۇرىسىدىكى قۇللۇق تۈزۈم مەسىلىسىدىكى زىددىيەتنى كېلىشتۈرۈش؛ باجنى تۆۋەنلىتىپ، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ قاچقان قۇللارنى تۇتۇش قانۇنىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان شۇنداقلا خۇيگ پارتىيىسىنى مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر پارتىيە قىلماقچى بولغان. لېكىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان.

فىلىپⅡ

  • فىلىپⅡ[يەشمىسى:] فىلىپⅡ(1) (Philippos Ⅱ ياكى PhilipⅡ، مىلادىدىن ئىلگىرى 382 — 336 ). ماكېدونىيىنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 359 — 336). ئامىنتاسⅡ (Amyntas Ⅱ) نىڭ كەنجى ئوغلى. مىلادىدىن 368 يىل ئىلگىرى تېبېس شەھىرىدە بارىمتاي (تەخمىنەن 3 يىل) بولۇپ، يۇنان تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، يۇنان ئەدەبىياتى ۋە پەلسەپىيىسىنى ئۆگەنگەن ھەمدە تېبېس گېنېرالى ئېپامىنوندادىن چاسا سەپ تاكتىكىسىنى ئۆگەنگەن. تەختكە چىققاندىن كېيىن ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن، دائىمىي ئارمىيىنى كېڭەيتىپ، دېھقان پىيادە ئەسكەرلەر (چاسا سەپ) ۋە ئاقسۆڭەك ئاتلىق ئەسكەرلەرنى يادرو قىلغان قۇدرەتلىك قوشۇنىنى شەكىللەندۈرگەن؛ پۇل تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئالتۇن-كۈمۈش پۇل بىرلىكىنى قوللانغان. يۇناننىڭ ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ زاۋال تاپقان پەيتىدىن پايدىلىنىپ، زېمىنىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتكەن. يۇناننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى (جۈملىدىن ئافىنادىكى) ماكېدونىيىگە مايىللارنى سېتىۋالغان ۋە «ئېشەككە ئالتۇن ئارتىپ بېرىپ، مۇستەھكەم سېپىللارنى ئارتىپ كەلدىم» دېگەن. ئېگىي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى ئىستىھكاملارنى ئىگىلىگەن ۋە مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن، جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىپ يۇنانغا بېسىپ كىرگەن. فىشس بىلەن تېبېس «مۇقەددەس ئۇرۇش» (مىلادىدىن ئىلگىرى 355 — 346) ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەسكەر چىقىرىپ شىمالىي يۇنان ۋە ئوتتۇرا يۇناندىكى بەزى شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىۋالغان. مىلادىدىن 338 يىل ئىلگىرى خائېرونېئا جېڭىدە ماكېدونىيىگە قارشى يۇنان بىرلەشمە ئارمىيىسىنى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ قىلغان، ئارقىدىنلا كورنىسىتا پۈتۈن يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى يىغىنىنى ئېچىپ، يۇناننىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. پېرسىيىگە ئەسكەر ئەۋەتىشكە تەييارلىنىۋاتقان مەزگىلدە، قىزىنىڭ توي مۇراسىمىدا ماكېدونىيىلىك بىر ياش ئاقسۆڭەك تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان. ئۇنىڭ تەختىگە ئوغلى ئالېكساندر (كېيىن«ئىمپېراتور» دەپ ئاتالغان) ۋارىسلىق قىلغان.(2)فىلىپⅡ (Philippe Ⅱ Auguste، 1165 — 1223)، فرانسىيە كاپېتېن سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1180 — 1223). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، ئوتتۇرا، ئۇششاق فېئوداللار ۋە شەھەر ئاھالىسىگە تايىنىپ، ئەنگلىيە كورۇلىنىڭ فرانسىيە زېمىنىدىكى خوجىلىق يېرى نورماند، مائىن، ئانژۇ، تۇرائىنلارنى ۋە پويىتوۋنىڭ كۆپ قىسمىنى 1204-يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى-ئاخىر قايتۇرۇۋالغان. 1214-يىلى 7-ئايدا، بۈۋېن جېڭىدە ئەنگلىيە كورۇلى يوھان (يەرسىز شاھ) ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ئوتتوⅣ نى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان، بۇنىڭ ئۈچۈن «ئاۋگۇست» دېگەن ھۈرمەت نامىغا ئېرىشكەن. پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، خان جەمەتىنىڭ خوجىلىق يېرىنى بىرقانچە رايون (فرانسۇزچە bailliage) لارغا بۆلۈپ، ئۇلارغا بائىللى (فرانسۇزچە bailli، باش ۋالىيغا تەڭ) ئەۋەتىپ، شۇ جاينىڭ ئەدلىيە، باج يىغىش قاتارلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئارقىلىق، يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان. 1189 — 1191-يىللاردا ئۈچىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپكە قاتناشقان. (3) فىلىپ Ⅱ (Felipe Ⅱ، 1527 — 1598)، ئىسپانىيىنىڭ كورۇلى (1556 — 1598). 1554-يىلى ئەنگلىيە كورۇلىۋاسى مارىⅠ بىلەن توي قىلغان. 1556-يىلى دادىسى چارلېس Ⅰ تەختنى بوشىتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئىسپانىيە كورۇلى بولغان. ئىسپانىيە، نېدىرلاندىيە، نېئاپول، سىتسىلىيە، مىلان ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەرگە ئىگە بولغان. ئىچكى جەھەتتە، مەھكىمە شەرئىيدىن پايدىلىنىپ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەن، بىدئەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلغان، 1568 — 1570-يىللاردىكى مورىسكوسلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان ھەمدە ئېغىر باج ئېلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. تاشقى جەھەتتە ئۇدا ئەسكەر ئىشلەتكەن: 1571-يىلى ئىسپانىيە بىلەن ۋېنىتسىيىنىڭ بىرلەشمە دېڭىز فلوتى لېپانتو دېڭىز ئۇرۇشىدا تۈركىيە فلوتىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. 1580-يىلى پورتۇگالىيىنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق مۇستەملىكىلەرنى قوشۇۋالغان. 1581-يىلى نېدىرلاندىيىنىڭ شىمالىي يەتتە ئۆلكىسى ئىسپانىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. 1588-يىلى «يېڭىلمەس فلوت» نى ئەنگلىيىگە يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتكەن، ئەمما ئىنگلىز بوغۇزىدا پۈتۈن فلوت دېگۈدەك يوقىتىلغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىسپانىيە دېڭىزدىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالغان. فرانسىيىدىكى خۇگۇئېنو ئۇرۇشىغا ئارىلىشىپ، ئۇنىڭدىمۇ مەغلۇپ بولغان ۋە قوغلاپ چىقىرىلغان (1598). ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئىسپانىيىنىڭ ئىقتىسادىي خارابلىشىپ، خەلق كۈن كەچۈرەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ، دۆلەت كۈنسايىن ئاجىزلاشقان.

فىلىپⅣ

  • فىلىپⅣ[يەشمىسى:]1)فىلىپⅣ (كېلىشكەن يىگىت) (Philippe Ⅳ le Bel، 1268 — 1314)، فرانسىيە كاپېتېن سۇلالىسى-نىڭ كورۇلى (1285 — 1314). 1285-يىلى نىكاھلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن شامپان بەگلىكىنى قوشۇۋالغان. 1300-يىلى فلاندېرسنى ئىشغال قىلىۋالغان بولسىمۇ، يەرلىك قول سانەئەتچىلەر بىلەن دېھقانلارنىڭ كەسكىن قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ھەمدە 1302-يىلى 7-ئايدىكى كوئۇرترائى جېڭىدە يېڭىلىپ چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. مالىيە كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن چېركاۋدىن باج ئېلىپ، رىم پاپاسى ب-ونىفا Ⅷ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. 1302-يىلى 4-ئايدا مىسسىئونېرلار دەھرىي ئاقسۆڭەكلەر ۋە شەھەر ئاھالىسى قاتناشقان تۇنجى قېتىملىق ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى ئېچىپ، قوللاشنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان. 1303-يىلى بونىفا Ⅷ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان فرانسىيىلىك پاپا كېلىمېنت Ⅴ نى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان. 1307-يىلى تېمپلې رىتسارلار پولكىنىڭ فرانسىيىدىكى كۆپ قىسىم ئەزالىرىنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان؛ 1312-يىلى كېلىمېنت Ⅴ نى تېمپلې رىتسارلار پولكىنى تارقىتىۋېتىشكە مەجبۇر قىلغان.(2) (Ⅳ Felipe، 1605 — 1665)، ئىسپانىيىنىڭ كورۇلى (1621 — 1665). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى ئولىۋارېس قاتارلىق ھوقۇقلۇق ۋەزىرلەر چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان، دۆلەت ئىچىدە ئىقتىساد كۈنسايىن خارابلىشىپ، خەلقئارادىكى ئورنى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ بارغان. 1621-يىلى گوللاندىيە بىلەن بولغان ئۇرۇش يېڭىباشتىن باشلانغان («ئۇرۇشنى 12 يىل توختىتىش كېلىشىمى» گە قاراڭ). 1622-يىلى ئوتتۇز يىللىق ئۇرۇشقا چېتىلغان. 1640-يىلى پورتۇگالىيە ئىسپانىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان. شۇ يىلى كاتالۇنادا قوزغىلاڭ پارتلىغان. 1647-يىلى نېئاپول-دا ماسانېللو قوزغىلىڭى پارتلىغان. 1648-يىلى «ۋىستفالىيە سۈلھ شەرتنامىسى» بويىچە گوللاندىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ مەغلۇپ بولغان. 1659-يىلى «پرىنېئوس سۈلھ شەرتنامىسى» بويىچە روئۇسسىللون (Roussillon، ھازىرقى فرانسىيىنىڭ شەرقىي پرىنئوس ئۆلكىسىدە) نى فرانسىيىگە كېسىپ بەرگەن.

فىلىپⅤ

  • فىلىپⅤ[يەشمىسى:]PhilipposⅤ ، مىلادىدىن ئىلگىرى 238—179) ماكېدونىيىنىڭ كورۇلى (مىلادىدىن ئىلگىرى 221 — 179). دېمېترى Ⅱ(DemetriosⅡ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 278 — 229) نىڭ ئوغلى. دادىسى ئۆلگەندە تېخى كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن، تاغىسى ئانتىگونوس (Antigonos Doson، مىلادىدىن ئىلگىرى 263 — 221) ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن؛ ئانتىگونوس ئۆلگەندىن كېيىن تەختكە چىققان. يۇناننىڭ ئاخايا ئىتتىپاقى بىلەن ئېتولىيە ئىتتىپاقى ئۇرۇشقاندا، ئالدىنقىسىغا ياردەم بەرگەن؛ مىلادىدىن 213 يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئاراتوس (ئاخايا ئىتتىپاقىنىڭ باش قوماندانى) نى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن. ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشى مەزگىلى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 218 —201) دە، كارفاگېننىڭ باش قوماندانى گاننىبال بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ رىمغا قارشى تۇرغان، بىرىنچى قېتىملىق ماكېدونىيە ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 215 — 205) يۈز بېرىپ، نەتىجىسى چىقمىغان. گاننىبالغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئافرىقىغا ئەسكەر ئەۋەتىپ زاما جېڭى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 202) گە قاتناشتۇرغان بولسىمۇ، مەغلۇپ بولغان. سۈرىيە پادىشاھى ئانتيوك Ⅲ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، مىسىرنىڭ پتولېمى سۇلالىسىگە قارشى تۇرغان (مىلادىدىن ئىلگىرى 201)، ئارقىدىنلا سۈرىيە پادىشاھى بىلەن ئارازلىشىپ قالغان؛ رىم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىككىنچى قېتىملىق ماكېدونىيە ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرى 200 — 197) نى قوزغىغان، ئۇ شىمالىي يۇناننىڭ ئىسنوستىسېفالې (Cynoscephalae) دېگەن جايىدا رىم كونسۇلى فلامنۇس تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان (مىلادىدىن 197 يىل ئىلگىرى). ئىككىنچى يىلى سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈپ، بارلىق بېقىندى يەرلەردىن ۋاز كەچكەن، كېمىلىرىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن، رىمغا 1000 تالانتون ئۇرۇش چىقىمى تۆلىگەن ھەمدە يۇناننىڭ ئىشلىرىغا يەنە ئارىلاشماسلىققا ۋەدە بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن، ماكېدونىيە پادىشاھلىقى ئۆزىنىڭ مۇھىملىق ئورنىنى يوقاتقان. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن رىم بىلەن قايتا ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق كۆرگەن بولسىمۇ، ئامفىپولىستا ئۆلگەن، تەختكە ئوغلى پېرسۇئېس (Persues، مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 168) ۋارىسلىق قىلغان.

فىللىپپې(باراۋەرچى)

  • فىللىپپې(باراۋەرچى)[يەشمىسى:] ducd Orlesns، Phillippe Egalite، Lauis-Phillippe-Joseph 1747 — 1793) ئەسلى ئىسمى لۇئى فىللىپپې يوسېپ. فرانسىيە بوربون خان جەمەتىنىڭ ئورلېئان تارمىقىدىكى چوڭ ئاقسۆڭەك، لۇئى ⅩⅥ نىڭ نەۋرە ئىنىسى. 1785-يىلى ئورلېئان كىنەزى دېگەن نامغا ۋارىسلىق قىلغان. ئىنقىلابتىن ئىلگىرى سىياسىي قارا نىيىتى ۋە خۇسۇسىي ئاغرىنىشى سەۋەبىدىن خان جەمەتى بىلەن يامانلىشىپ قالغان، 1787-يىلى ئالىيجانابلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە سىياسىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، قىسقا مۇددەت سۈرگۈن قىلىنغان. 1789-يىلى ئاقسۆڭەكلەر ۋەكىلى بولۇپ ئۈچ دەرىجىلىك يىغىنغا قاتنىشىپ، 3-دەرىجىلىكلەرنى قوللىغان. پارىژدىكى رويار خۇسۇسىي سارىيىنى ئاممىغا ئېچىۋەتكەن بۇ يەر، بىر مەھەل ئىنقىلابىي پائالىيەت سورۇنى بولۇپ قالغان. 1791-يىلى ياكوبىن كۇلۇبىغا قاتناشقان. ياندۇرقى يىلى 8-ئايدىن كېيىن ئاقسۆڭەك مەرتىۋىسىدىن ۋاز كېچىپ، ئىسمىنى فىلىپپې باراۋەرچى دەپ ئۆزگەرتكەن ھەمدە مىللىي ئۇيۇشمىغا سايلانغان، كورۇلنى ئۆلتۈرۈشكە قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرگەن. 1713-يىل 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇنىڭ ئوغلى لۇئى فىلىپپې دومورئېغا ئەگىشىپ ئاۋسترىيىگە ئۆتۈپ كەتكەن، ئىككىنچى كۈنى ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلدى دەپ ئەيىپلەنگەن ھەم قولغا ئېلىنغان.11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىنقىلابىي سوت تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.

فىلىپپى جېڭى

  • فىلىپپى جېڭى[يەشمىسى:] قەدىمكى رىمدا ئانتونىئوس بىلەن ئوكتاۋىئوس (ئاۋگۇستۇس) جۇمھۇرىيەتچى برۇتۇس، كاسسۇسلارنى مەغلۇپ قىلغان جەڭ. مىلادىدىن 42 يىل ئىلگىرى كۈزدە ماكېدونىيىدىكى (ئىگېي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى) فىلىپپ-ى(Philippi) دېگەن جايدا بولغان. رىم تارىخچىسى ئاپپانۇس (Ⅱ ئەسىردە ئۆتكەن) نىڭ يېزىشىچە، ئانتونىئوس بىلەن ئوكتاۋىئوسنىڭ قوشۇنىدا تەخمىنەن 13 مىڭ ئەسكەر، برۇتۇس بىلەن كاسسۇسنىڭ قوشۇنىدا تەخمىنەن 20 مىڭ ئەسكەر بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپتە فراكىيىلىكلەردىن تەشكىل قىلىنغان ئاتلىق ئەسكەرلەر بار ئىكەن. ئالدىنقىسى ھەربىي تەمىنات يەتكۈزۈپ بېرىشتە قىينالغان، كېيىنكىسى ۋاقىتنى ئۇزۇنغا سوزۇش ئارقىلىق غەلىبە قازىنىشقا ئۇرۇنغان، جەڭ بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان. دەسلەپكى جەڭلەردە ئۆزئارا يېڭىش-يېڭىلىشلار بولغان، ئەمما كاسسۇس قىسمەن مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ھەل قىلغۇچ جەڭ ئېلىپ بارغان، ئاخىرى برۇتۇس مەغلۇپ بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. نەتىجىدە «كېيىنكى ئۈچلەر ئىتتىپاقى» رىمدا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ھەقىقىي تۈردە تىكلەپ، جۇمھۇرىيەت كۈچلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقاتقان. فىلىپپى جېڭى رىمنىڭ ئىمپېرىيە تۈزۈمىگە مېڭىشىغا يول تازىلاپ بەرگەن.

فىلىپپىن خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئارمىيىسى

  • فىلىپپىن خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئارمىيىسى[يەشمىسى:] فىلىپپىن كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قوشۇن. تاگالو تىلىدا ئېيتىلىشى Hukbo ng Bayan Laban sa Hapon قىسقارتىلىپ يېزىلىشى Hukbalahap، ئاددىي ئاتىلىشى «Huk». 1942-يىل 3-ئاينىڭ 29-كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى دېھقانلارنى ئاساس قىلغان. ياپون باسقۇنچىلىرى ۋە قورچاق ئارمىيە بىلەن 1200 قېتىمدىن ئارتۇق جەڭ قىلغان، جەمئىي 25 مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقاتقان. لۇزون ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت قۇرغان. ياپون تەسلىم بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى «خەلق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئارمىيىسى يولداشلار ئۇيۇشمىسى» نى تەشكىل قىلىپ، ئامېرىكا-فىلىپپىن قوشۇنلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازىلىرىغا قاراتقان ھۇجۇمىغا زەربە بەرگەن. 1948-يىلنىڭ ئاخىرىدا، فىلىپپىن كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، فىلىپپىن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى رەسمىي تەشكىل قىلىنىپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان.

فىلىپپىن مۇستەقىللىك ئۇرۇشى

  • فىلىپپىن مۇستەقىللىك ئۇرۇشى[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا فىلىپپىن خەلقىنىڭ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش يولىدىكى ئىنقىلابىي ئۇرۇشى. 1896-يىلى 8-ئايدا، بونىفاسىئو رەھبەرلىكىدىكى كاتىپۇنان مانىلا ئەتراپىدىكى بارىنتاۋاك تېغىدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، جايلار ئۇنىڭغا ئارقا-ئارقىدىن ئاۋاز قوشۇپ ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىپ، كەينى-كەينىدىن ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت ئورنىتىپ، زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن، 1897-يىلنىڭ باشلىرىدا، ئىنقىلابىي لاگېرنىڭ ئىچكى قىسمىدا پارچىلىنىش پەيدا بولۇپ، ئاگۇينالدو گۇرۇھى «كاتېپۇنان» نىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تارتىۋالغان، شۇ يىلى5-ئاينىڭ 10-كۈنى بونىفاسىئونى ئۆلتۈرۈپ، ئىنقىلابىي كۈچلەر ئېغىر ھالدا ئاجىزلىشىپ كەتكەن. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تەھدىت سېلىشى، مەنپەئەت بىلەن قىزىقتۇرۇشى ئارقىسىدا، 12-ئايدا ئاگۇينالدو ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن «تاش ئۆڭكۈر شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولغان. لېكىن فىلىپپىن خەلقى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. 1898-يىلى باھاردا، پۈتۈن مەملىكەت ئاساسەن ئازاد بولغان. شۇ يىلى 5-ئايدا، ئاگۇينالدو ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ مۇھاپىزىتى بىلەن ۋەتىنىگە قايتىپ، ئىسپانىيىگە قارشى كۈرەشنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى يەنە بىر قېتىم تارتىۋالغان. شۇ يىلى 6-ئايدا، ئاگۇينالدو كاۋىتېدا «مۇستەقىللىك خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، فىلىپپىننىڭ «ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىك» كە ئىگە بولغانلىقىنى جاكارلىغان. 1899-يىلى 1-ئايدا ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغان، فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان، ئاگۇينالدو زۇڭتۇڭ بولغان، مۇستەقىللىك ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي، فىلىپپىن ئىنقىلابى ئامېرىكا تەرىپىدىن ئۇجۇقتۇرۇلغان. «ئامېرىكا-فىلىپپىن ئۇرۇشى» غا قاراڭ.

فىلىپپىن ئىتتىپاقى

  • فىلىپپىن ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] ئىسپانىيىنىڭ فىلىپپىندىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات. 1892-يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى رىزال مانىلادا قۇرغان. ئۇ قانۇنىي يول بىلەن بىرلىككە كەلگەن مىللىي دۆلەت قۇرۇش ۋە مىللىي ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەزالىرى پومېشچىك-بۇرژۇئازىيە ئىسلاھاتچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئۇششاق بۇرژۇئا زىيالىيلىرىدىن ئىبارەت. بونىفاسىئو ۋەكىللىكىدىكى رادىكاللار ئاممىغا تايىنىپ، مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن باشقىدىن كاتىپۇنان تەشكىل قىلغان. 7-ئاينىڭ 7-كۈنى رىزال قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئىتتىپاق ئاستا-ئاستا پارچىلانغان.

فىلىپپىننىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى 12 ماددىلىق پروگراممىسى

  • فىلىپپىننىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى 12 ماددىلىق پروگراممىسى[يەشمىسى:] فىلىپپىن كومپارتىيىسى تۈزگەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش — ۋەتەننى قۇتقۇزۇش پروگراممىسى. 1940-يىلى 12-ئايدا، ياپون ئارمىيىسى فىلىپپىنگە ھۇجۇم قىلغان، ئامېرىكا-فىلىپپىن قوشۇنلىرى تېزلا تىرىپىرەن بولغان. فىلىپپىن كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى 12-ئاينىڭ 7-، 10-كۈنلىرى پەۋقۇلئاددە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى «12 ماددىلىق پروگرامما»نى ماقۇللاپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلىك سەپ قۇرۇشقا چاقىرغان، كەڭ ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قوراللىق كۈرەشنى قانات يايدۇرغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا بىردەك قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، پروگراممىدا ئاپتونوم ھۆكۈمەتكە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سادىق بولۇش ۋەدە قىلىنغان. لېكىن ئاپتونوم ھۆكۈمەت ئۇنى رەت قىلغان.

فىنلاندىيە كىنەزلىكى

  • فىنلاندىيە كىنەزلىكى[يەشمىسى:] فىنلاندىيىنىڭ شۋېتسىيىگە قارام مەزگىلىدىكى كىنەزلىك نامى. شۋېتسىيە تەسىر كۈچى ⅩⅢ ئەسىردىن باشلاپ، فىنلاندىيىنى تىزگىنلەپ كەلگەن ھەمدە خرىستىئان دىنى كىرگەن.1556-يىلى شۋېتسىيە پادىشاھى گۇستاۋ ۋاسا فىنلاندىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىنى بىر كىنەزلىك قىلىپ، ئوغلى ئىيۇئان(ئىيوھانⅢ) كە سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن. ئۇ، فىنلاندىيە زېمىنىدا تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كىنەزلىكىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى بىردىنبىر فىنلاندىيە گېرتسوگى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوردىسى فىنلاندىيىنىڭ تۇركۇ (Turku) قەلئەسى ئىچىگە جايلاشقان. كىنەزلىك يەنىلا شۋېتسىيە پادىشاھلىقىنىڭ تەركىبىي قىسمى ھېسابلانغان. 1563-يىلى ئىيوئان تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. ئۇ كورۇل ئېرىك ⅩⅣ بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان، شۇنىڭ بىلەن كىنەزلىكمۇ ئاياغلاشقان. 1581-يىلى شۋېتسىيە كورۇلى ئىيوئان Ⅲ فىنلاندىيىنى بۈيۈك كىنەزلىك قىلىپ، ئۆزى بۈيۈك كىنەز بولغان. 1809-يىلى شۋېتسىيە روسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، فىنلاندىيىدىن ۋاز كېچىپ، فىنلاندىيە روسىيىنىڭ بىر چوڭ كىنەزلىكىگە ئايلىنىپ، ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن. روسىيە ئىمپېراتورى فىنلاندىيىنىڭ چوڭ كىنەزى بولغان.

فىنلاندىيە مىللىي ھەرىكىتىⅩⅪ

  • فىنلاندىيە مىللىي ھەرىكىتىⅩⅪ[يەشمىسى:] ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن كېيىن فىنلاندىيە بارلىققا كەلگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى. 1808 — 1809-يىللىرىدىكى روسىيە-شۋېتسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، فىنلاندىيە شۋېتسىيىدىن ئايرىلىپ، روسىيە ئىمپېرىيىسى ئىچىدىكى ئاپتونوم دۆلەتكە ئايلانغان. فىنلاندىيە خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك كەيپىياتى ئۆرلەپ بارغان. 1820-يىلدىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك مىللەتپەرۋەرلىك ھەرىكىتى بارلىققا كەلگەن، بۇ ھەرىكەتنىڭ دەسلەپكى جارچىسى بولغان تارىخشۇناس ئارۋىدىسون (Adolfiwar Arwidsson)، تىل مىللەت خاراكتېرىنى ئۆلچەشنىڭ ئاساسلىق ئۆلچىمى دەپ ھېسابلاپ، فىن تىلىنى مەكتەپ، جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەت تىلى قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. لۇنرۇت (Elias Lonnrot)تەرىپىدىن تۈزۈلگەن فىنلاندىيە مىللىي ئىپوسى — «كالۋارا» (ياكى «قەھرىمان دۆلەت»)فىنلارنىڭ مىللىي ئېڭىنىڭ تەرەققىياتىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن بەزى ستودېنتلار ۋە زىيالىيلار 1830-يىلى شەنبە كۈنلۈك ئىلمىي جەمئىيەتنى تەسىس قىلغان. 1831-يىلى بۇ ئاساستا فىنلاندىيە ئەدەبىيات جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، «كالۋارا» ۋە «فىنلاندىيە» ژۇرنىلىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى تەتقىق قىلغۇچى مەركەزگە ئايلاندۇرغان. لۇندات (رۈنبېرگ)، توپېلى بىلەن سنېللمان قاتارلىق كىشىلەرمۇ فىنلاندىيە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللىي ئويغىنىشىغا ھەسسە قوشقان.

فىنىك ھەرپلىرى

  • فىنىك ھەرپلىرى[يەشمىسى:] قەدىمكى فىنىكلەر ئىجاد قىلغان ئېلىپبەلىك يېزىق. فىنىكىيە (ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا) دىكى ھەرقايسى شەھەرلەر سودا-سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، ئالدىنقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يېزىق سىستېمىسىنى ئىجاد قىلغان. ئومۇمەن مۇنداق دەپ قارىلىدۇ: تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅤ ئەسىردە، سۈرىيە ۋە پەلەستىن رايونىدىكى سەمىتلەر مىسىر ئېرگېلېف يېزىقىنىڭ تەسىرىدە 26 ھەرپنى، يەنى سىناي يېرىم ئارىلىدىن تېپىلغان قەدىمكى ئويما يېزىقىدا قوللىنىلغان ھەرپلەر (سىناي ھەرپلىرى) نى تۈزۈپ چىققان. تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى ⅩⅢ ئەسىردە فىنىكىيىنىڭ چوڭ شەھىرى بىبىل سىناي ھەرپلىرىنىڭ تەسىرىدە 22 ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرىنى ئىجاد قىلغان. فىنىكىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئۇگارىت شەھىرىمۇ مېسپوتامىيە ۋادىسىنىڭ مىخ يېزىقىنىڭ تەسىرىدە 29 ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرىنى تۈزۈپ چىققان. كېيىن ئۇگارىت ھەرپلىرى تەدرىجىي ھالدا بىبىل ھەرپلىرى تەرىپىدىن شاللاپ چىقىرىلىپ، بىبىلنىڭ 22 ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرى (سوزۇق تاۋۇش يوق) ئاساسىدىكى يېزىق سىستېمىسى كەڭ تارقالغان. فىنىك ھەرپلىرى قەدىمكى گرېك ھەرپلىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن، گرېك ھەرپلىرىدىن لاتىن ھەرپلىرى ۋە سىلاۋىيان ھەرپلىرى ھاسىل بولغان، شۇڭا فىنىك ھەرپلىرى كېيىنكى غەرب ئەللىرى يېزىقلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەرقتە، فىنىك ھەرپلىرى، ئارامېيان ھەرپلىرى ۋە ئەرەب ھەرپلىرى، ھىندى ھەرپلىرى، ئەرمىنىيە ھەرپلىرى قاتارلىقلارغىمۇ مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، فىنىكىيلىكلەرنىڭ ھەرپ سىستېمىسى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشۇلغان زور تۆھپىدۇر.

فىئۇمې قارارى

  • فىئۇمې قارارى[يەشمىسى:] 1905-يىلى 10-ئايدا دالماتسىيە بىلەن كرودىيە قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلغان قارار. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا خورۋاتىيىدە ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ زۇلمىغا قارشى كۈرەش پارتلىغان. 1905-يىلى 10-ئايدا كرودىيە، ئىسترىيە ۋە دالماتسىيىنىڭ 40 نەپەر ۋەكىلى فىئۇمې (Fiume، ھازىرقى رىئېكا، Rijeka) غا يىغىلىپ دالماتسىيە بىلەن كرودىيە قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلغان قارارنى ماقۇللىغان ھەمدە خورۋاتىيىدە سايلام قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىش، مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، كرودىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان. فىئۇمې قارارى سېربىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. لېكىن ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى قاراردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان.