ت🔗

ت

تابارناس

تابورچىلار

تابىنشىۋېختى

تاتىششېۋ

تاتون دۆلىتى

تاج ماھال قەبرىسى

تاردېنوئىس مەدەنىيىتى

تاردېئۇ

تاركىينۇس

تارلې

تارۇما دۆلىتى

تارېنتۇم

تارىخ

تارىخ ئارخىپخانىسى

تارىخ پەلسەپىسى

تارىخ تەتقىقاتى

تارىختىن بۇرۇنقى تارىخشۇناسلىق

تارىخشۇناسلىق

تارىخشۇناسلىق

تارىخشۇناسلىق تارىخى

تارىخنى دەۋرلەرگە بۆلۈش

تارىخ ئىلمى

تارىىخي ماتېرىيال

تارىخىي ماتېرىيالشۇناسلىق

تارىخىي مورفولوگىيە

تازىك

تاسسىگنىي

تاسسىلى ناججېر

تاسمان

تاشپاقا كېمە

تاش پالتا

تاشقا ئايلانغان سۆڭەك تەركىبىدىكى فتور مىقدارىغا ئاساسلىنىپ دەۋرگە ھۆكۈم قىلىش

تاش قورال

تاش قورال دەۋرى

تاش قوراللار بىلەن برونزا قوراللار بىرلىكتە ئىشلىتىلگەن دەۋر

تاشكەنت دۆلىتى

تاش كېمىر ئىبادەتخانىسى

تاش ئۆزەكتىن ياسالغان تاش قورال

تاش ئۆڭكۈر شەرتنامىسى

تاغلىقلار

تافت

تافىت-ھارتلېي قانۇنى

تاففې

تافنا شەرتنامىسى

تاكۇر

تاكشاسلا

تاكېتا شىنگېن

تاكېچى مىزۇياما

تاكېگوشى يوسابۇرۇ

تاكىينۇس سۇلالىسى

تاگار مەدەنىيىتى

تاگائوڭ دۆلىتى

تاگورې

تاگۇچى ئۇكىچى

تاڭ جاۋتى ئىبادەتخانىسى

تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر

تالانتون

تاللېيراند

تاللىئېن

تالېس

تاماكا تىجارەت ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى

تامبراللىنگا

تام رەسىملىرى سىزىلغان دېشىڭلى قەبرىسى

تامغىشۇناسلىق

تامكار

تام مەش يېنىدىكى سۆھبەت

تامۇگادى

تانابې

تاناكاگېئېچى

تاناكا مەلۇماتنامىسى

تانتال

تانتىيا توپى

تانزىمات

تانسىتۇس

تانۇككى

تاننېنبېرگ جېڭى

تاھماسىپⅠ

تاھىرىيە خاندانلىقى

تاۋار ئىگىلىكى

تاۋفائاخاۋ خاندانلىقى

تاۋنېي

تائىپە تۈزۈمى

تائىرا توپىلىڭى

تائىرا جەمەتى ھەققىدە ھېكايىلەر

تائىراكىيومورى

تائىرا ماساكادو

تاياماكاتائى

تايتوكونان

تايرو

تاي-سون قوزغىلىڭى

تايكا ئىسلاھاتى

تايلاند ئاساسىي قانۇن ھەرىكىتى

تايلاند-فرانسىيە ئۇرۇشى

تايلاندتىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى

تايلور

تايلور

تايىنگۇيىن ئەسكەرلەر قوزغىلىڭى

تاينې

تەبەرى

تەبىقىلىق پادىشاھلىق تۈزۈم

تەبىئىي ئىش تەقسىماتى

تەپتىش ئەمەلدارى

تەپتىش ھۆكۈمەت

تەخت بوش قالغان دەۋر

تەختكە ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى

تەقسىمات

تەرەققىيپەرۋەرلەر جەمئىيىتى

تەرتىپ پارتىيىسى

تەڭداشسىز پالاتا

تەڭرى تىنچلىقى

تەڭشەش پەرمانى

تەلئەت

تەلۋىلەر

تەمتەكلىك سودا

تەنجۇن

تەۋفىق

تەيزۇڭ ۋوليې خان

تراسىمېنو كۆلى جېڭى

ترافالگار تۇمشۇقى دېڭىز ئۇرۇشى

ترانسىلۋانىيە

ترانسىلۋانىيە دېھقانلار قوزغىلىڭى

ترانسىۋال جۇمھۇرىيىتى

ترانې

تراۋگۇت

ترايان

ترايان تۈۋرۈكى

ترايلوك

ترنوۋو ئاساسىي قانۇنى

تروپپاۋ يىغىنى

ترنوۋو ئاساسىي قانۇنى

تروتىسكى

تروتسكىچىلار

تروتسكىزم

تروشۇ

ترويا

ترويا ياغاچ ئېتى

ترويېس شەرتنامىسى

ترۇجىللو

ترۇخزېس

ترۇمېن

ترۇمېنىزم

ترۇناد جايا ئۇرۇشى

ترېبىزوند ئىمپېرىيىسى

ترېد-يۇنئونىزم

ترېست مەسىلىسى

ترېنتو دىنىي يىغىنى

ترېنتىنو يەرلىك مىللىي بىرلىك ھەرىكىتى

ترېۋېلىيان

ترېيچكې

ترىبون

ترىبۇ يىغىنى

ترىپولى ئۇرۇشى

ترىدون

ترىئوكالا

ترىيانون سۈلھ شەرتنامىسى

تكاچېۋ

تكاسېنكو

تلانسىپادانۇ جۇمھۇرىيىتى

توبا-فۇشىمى ئۇرۇشى

توپ نىكاھ جەمەتى

توپېلىئۇس

توتېمىزم

توتېمغا چوقۇنۇش

توتىلا

توجو ھىدېكى

توچىسكىي

توخارىستان

توختاملىق قۇل

توخرىيلار

تورامانا

توربېك

توردېسىللاس شەرتنامىسى

تورېز

تورى پارتىيىسى

تورىجوس

تورىئى ريۇزو

توساكا

توسا ۋاسساللىقى

توسكانا

توسكانىنى

تۇشپا

توغرۇلبېك

توقماقچىلار ھەرىكىتى

توكوگاۋا شوگناتى

توكوگاۋا مىتسۇكۇنى

توكوگاۋا نارىئاكى

توكوگاۋا ئېموچى

توكوگاۋا ئېياسۇ

توكوگاۋا يوشىنوبۇ

توكۇدا كۇچى

توكۇتومى ئاشىكى

توكۇتومى سومىنې

توكۇماسا پەرمانى

توكۇماسا قوزغىلىڭى

توكۇناگا سونائو

توكۋىل

توكيو سوتى

توگو شىگېتوكۇ

توگوھېيما چېرو ماركوئېسس

تونگو خاندانلىقى

توڭشيا جيەن (ئوكېخازاما) جېڭى

توڭگۇز قولتۇقى ۋەقەسى

توللۇند خارابىسى

تولوسا جېڭى

تولۇقلانغان ھۈججەتلەر ئىزاھاتى

تولېن

تولستوي

تولىياتتى

توماس

توماس ئاكۇنا

توماس بېكېت

توماس مان

توماس مور

توماس يوڭ

تومبې

توممان

تومسېن

تونبۇرى خاندانلىقى

توۋنسېند نىزامى

توئىكوگې كاتافۇتاتسۇ

توياما مىتسۇرۇ

توينبې

تويوتومى ھىدېيوشى

تۇئەن پېراك

تۇپاك ئامارۇ

تۇپپېر

تۇتموسⅢ

تۇتېنكامون

تۇخاچېۋىسكىي

تۇدور سۇلالىسى

تۇدور ۋلادىمىرېسكۇ

تۇراتى

تۇرگو

تۇرگېنېۋ

تۇرنېر

تۇرنېر

تۇرې

تۇرېن

تۇرىئى

تۇرىنگېن

تۇسسېن لوۋېرتۇر

تۇغقانلىق تۈزۈم

تۇغلۇق خاندانلىقى

تۇگان بارانوۋىسكى

تۆگە جېڭى

تۇلۇزا بەگلىكى

تۇماسىك

تۇمانلىق ئاينىڭ ئون سەككىزىنچى كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش

تومۇز ئېيى تەرەپدارلىرى

تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشى

تۆت پەسىل جەمئىيىتى

تۆت دۆلەت بىرلەشمە فلوتىنىڭ شىمونوسېكىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسى

تۆت دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بېرلىن يىغىنى

تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى

تۆت ساتيا

تۆت گوسپىئېل

تۆت كۈچلۈك دۆلەت ئەھدىنامىسى

تۆتىنچى قارار لايىھىسى

تۆتىنچى نۇقتىلىق پىلان

تۆرىلەر

تۆمۈر ئاتلىقلار قوشۇنى

تۆمۈر توسۇق دەۋرى

تۆمۈر-قان سىياسىتى

تۆمۈر قوراللار دەۋرى

تۆمۈر قوغدىغۇچىلار پولكى

تۆھپە مۇنارى

تۆۋەن لوررانى كىنەزلىكى

تۈركىيە ئاساسىي قانۇن چىقىرىش ھەرىكىتى

تۈركىيە-گرېتسىيە ئۇرۇشى

تۈركىيە-مىسىر ئۇرۇشى

تۈزۈلمە ئىسلاھاتچىلىقى

تۋاردوۋىسكى

تېبېس

تېتۇئان شەرتنامىسى

تېرادايا ۋەقەسى

تېراسيماكو

تېرامېن

تېرائۇچى خېسائىچى

تېرائۇچى ماساتاكې

تېررامارا مەدەنىيىتى

تېرتۇللىيان

تېرموپىلىئې جېڭى

تېرېنتىئۇ

تېرىلغۇ يەر-ئورمان-مەرتىۋە تۈزۈمى

تېز ئەسكەر يېتىشتۈرۈش تۈزۈمى

تېسسالىيە

تېسۇس

تېسېن يىغىنى

تېشىك-تاش ئادىمى

تېكتون دەرىخى دېلوسى

تېللېر قارار لايىھىسى

تېلمان

تېلېپىن

تېلېنگانا قوزغىلىڭى

تېمۇر

تېمۇر ئىمپېرىيىسى

تېمىپو قەھەتچىلىكى

تېمىپو ئىسلاھاتى

تېمىستوكىل

تېنمىيو قەھەتچىلىكى

تېننو

تېننو تاكائاكى

تېننو تاكامېې

تېننو تايشىيوئۇ

تېننو كامىتاكې

تېننېسسى دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى

تېننىس مەيدانىدىكى قەسەم

تېھران خىتابنامىسى

تېھران سىياسىي ئۆزگىرىشى

تېھران يىغىنى

تېئوتىخۇاكان

تېئودورىك

تېئوكرىتوس

تېئۇتوبۇرگ ئورمانلىقى جېڭى

تېوتونلار

تېئوفراستوس

تىبابەتچىلىك-دورىگەرلىك قامۇسى

تىبېرىئۇس

تىپۇ سۇلتان

تىتانلار

تىتو

تىتۇس

تىخونوۋ

تىران ھاكىمىيىتى

تىرپىتز

ترىپولې مەدەنىيىتى

تىرىلگەن بوربۇن سۇلالىسى

تىرىنتوس

تىزىئانو

تىسوجىزېن ئىتارۇكې

تىسۇبو ئۇچى شويو

تىسۇبوئى ئاكىراگورو

تىسۇبوئى كۇبامىتسۇ

تىسېلىئۇس

تىكال

تىكاماتسۇ موندژائىمون

تىك قەبرە مەدەنىيىتى

تىگلات-پىلېسېر

تىگلات-پىلېسېر

تىلاك

تىلاۋەتنامە

تىلەمچى موناخلار جەمئىيىتى

تىلتۇمار

تىللى

تىلور قوزغىلىڭى

تىلسىت سۈلھ شەرتنامىسى

تىل-يېزىق جۇجۇقى

تىموشېنكو

تىنچلىق پەرمانى

تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش

تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پرىنسىپى

تىنچ ئوكيان خارتىيىسى

تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى

تىئودورⅡ

تىئودوسⅠ

تېۇتون رىتسارلىرى پولكى

تىيدىڭ مكدوففيې

تيسسېن گۇرۇھى

تىيېرري

تياخۋاناكو

تيامپا

تيېر

تاكاماتسۇ قەدىمىي قەبرىسى

ئىزاھى

تابارناس

  • تابارناس[يەشمىسى:]Tabarnas، تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى ⅩⅦ ئەسىردە ياشىغان) يەنە لابارناس (Labarnas) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىتتى پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلغۇچى. تۇدالىياس Ⅰ (TudhaliyasⅠ)نىڭ نەۋرىسى. ئۇ تەخمىنەن مىلادىدىن 1640 يىل ئىلگىرى كۇسسار (Kussar)نى مەركەز قىلغان ھالدا كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كەڭ رايونلارنى بويسۇندۇرۇپ، ئۆزىنى «پادىشاھ» دەپ ئېلان قىلىپ، قۇدرەتلىك ھىتتى دۆلىتىنىڭ ئۇلىنى دەسلەپكى قەدەمدە سالغان. كېيىن «تابارناس» ھىتتى پادىشاھلىرىنىڭ ھۆرمەت نامىغا ئايلانغان (خۇددى رىم ئىمپېراتورلىرى ئۆزىنى «كائېسار» دەپ ئاتىغانغا ئوخشاش).

تابورچىلار

  • تابورچىلار[يەشمىسى:] چېختا ⅩⅤ ئەسىردە يۈز بەرگەن خوس ھەرىكىتىدىكى رادىكال گۇرۇھ. تابور شەھىرى (Tabor، سابىق چېخوسلوۋاكىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا)نى پائالىيەت مەركىزى قىلغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ گۇرۇھ ئۆزىنىڭ ئارمىيىسىنى قۇرغان، ئۇنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى يان زىزكا بولۇپ، كېيىن پروكوپ ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرغان، بۇ گۇرۇھنىڭ ئاساسىي ئاممىسى دېھقانلار ۋە شەھەردىكى ئاددىي خەلق بولۇپ، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى فېئوداللىق مۈلۈكچىلىكنى ۋە فېئوداللىق ئىمتىيازنى بىكار قىلىش، ئىخلاسمەنلەر چېركاۋىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە چېركاۋنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشنى، «پادىشاھ بولمىغان دۆلەت» قۇرۇشنى، ئەمەلىيەتتە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ گۇرۇھتىكى ئاز سانلىق كىشىلەر تېخىمۇ رادىكاللاردىن بولۇپ، ئۇلار خۇسكا باشچىلىقىدا خۇسۇسىي مال-مۈلۈكنى تامامەن بىكار قىلىپ، بارلىق ھاكىمىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. تابورچىلار خوس ھەرىكىتىدىكى مۆتىدىل گۇرۇھ — كالىكس بىلەن بىرلىشىپ، پاپا ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى سىگىمۇندنىڭ چېخقا قىلغان ھۇجۇمىنى كۆپ قېتىم چېكىندۈرگەن. كېيىن كالىكس گۇرۇھى كاتولىك دىنى كۈچلىرى بىلەن مۇرەسسەلىشىپ، 1434-يىلى تابورچىلارنى باستۇرغان.

تابىنشىۋېختى

  • تابىنشىۋېختى[يەشمىسى:]Tabinshwehti، تەخمىنەن 1516 — 1550) بىرما توڭگو سۇلالىسىنى قۇرغۇچى. توڭگو پادىشاھى مىنكىيىنيو (Minkyinyo، 1486 — 1531)نىڭ ئوغلى. 1531-يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تىرىشقان. 1539-يىلى لياڭجاۋ دېگەن يەردە ئادەم سانى كۆپ بولغان مونلار قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، پېگونى ئىشغال قىلغان. 1541-يىلى پېگودىكى سەككىز شەھەرنى بېسىۋالغان، ئىككىنچى يىلى پرومېنى ئالغان. 1544-يىلى يەنە يەتتە بەگلىكتىكى تۇسلارنىڭ بىرلىشىپ قىلغان ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلىپ، شىمالدا مىنۋۇ، مىنجيەن ئەتراپىدىكى يىلۇۋادى دەرياسى ۋادىسى رايونىنى ئىشغال قىلىپ، بىرمىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1546-يىلى، پايتەخت پېگودا بىرما، مون مىللەتلىرىنىڭ رەسىم-قائىدىسى بويىچە، تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ يىلى ئاراكانغا يۈرۈش قىلىپ، ئالالماي قايتقان. 1548-يىلى سىيام (ھازىرقى تايلاند)غا بېسىپ كىرىپ، ئايۇتايغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، ئالالمىغان. 1550-يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.

تاتىششېۋ

  • تاتىششېۋ[يەشمىسى:]Василий Никитич Татищев، 1686 — 1750) روسىيىلىك تارىخشۇناس. موسكۋا قۇرۇلۇش ۋە توپچى قىسىم مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. شىمال ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1741 — 1745-يىللاردا ئاستراخاننىڭ گوبېرناتورى بولغان. روسىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، «روسىيىنىڭ قەدىمكى زامان قانۇنلىرى»، «1550-يىل قانۇنى» قاتارلىق تارىخىي ھۈججەتلەرنى تۇنجى قېتىم تۈزگەن ھەمدە نەشىر قىلدۇرغان ۋە تەپسىلىي ئىزاھات بەرگەن. ئۇ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان تارىخىي ھۈججەتلەرگە ئاساسلىنىپ يېزىپ چىققان «قەدىمكى زاماندىن بۇيانقى روسىيە تارىخى» روسىيىنىڭ تۇنجى ئومۇمىي تارىخى بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسىرىدە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىنى تېپىشقا تىرىشقان؛ چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى كۈچىنىڭ بارىچە مەدھىيىلىگەن؛ تۇنجى قېتىم روسىيە تارىخىنى دەۋرگە ئايرىشنى ئېلىپ بېرىپ، شەخسنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقى دەۋرى (862 — 1132)، شەخسنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان دەۋر (1132 — 1462)ۋە شەخسنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن دەۋر (1462-يىلدىن كېيىن) گە بۆلگەن. ئۇنىڭ تارىخ قارىشى روسىيە تارىخشۇناسلىقىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.

تاتون دۆلىتى

  • تاتون دۆلىتى[يەشمىسى:] تاناسارم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مونلار ھازىرقى بىرمىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز بويلىرى رايونىدا قۇرغان قەدىمكى دۆلەت. ئېيتىشلارغا قارىغاندا مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە قۇرۇلغان. پايتەختى تاتون(Thaton). تاشقى سودىسى راۋاجلانغان بولۇپ، جۇڭگو، ھىندىستان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغان. ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، جەنۇبىي ھىندىستان يېزىقىنى قوللانغان. تۆۋەنكى بىرمىنىڭ بۇددا مەدەنىيەت مەركىزى بولغان. 1057-يىلى پاگان خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى ئاناۋراختا تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.

تاج ماھال قەبرىسى

  • تاج ماھال قەبرىسى[يەشمىسى:]Taj Mahal) موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ مەشھۇر قۇرۇلۇشى. ھىندىستاننىڭ شىمال شتاتىدىكى ئاگرا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا. موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى شاھ جاھان ئۆزىنىڭ بانۇسى تاج ماھال ئۈچۈن سالدۇرغان قەبرە. 1631-يىلىدىن باشلاپ ياسالغان، 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن. ئاساسىي قۇرۇلۇش سەككىز بۇرجەكلىك چوڭ زال بولۇپ، ئۇ چاسا شەكىلدىكى ئۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئېگىزلىكى 58 مېتر، ئۈستىدە دىئامېترى 17 مېتر كېلىدىغان دۈگىلەك گۈمبەز بار. تۆت بۇرجىكىدە ئېگىزلىكى 41 مېتر كېلىدىغان مۇنار بار.ئوڭ-سول تەرىپىدە بىردىن مەسچىت بار، ئالدىدا گۈللۈك ۋە كۆلچەك بار، پۈتۈنلەي ئاپئاق مەرمەر تاشتىن ياسالغان، تاملىرىغا ھەرخىل رەڭدىكى ياقۇت ئورنىتىلغان. زالنىڭ ئىچىگە مەرمەرتاشتىن نەقىشلەر ئويۇلغان. ئىچىگە يالغان قەبرە گۈمبىزى ياسالغان، ھەقىقىي قەبرە يەر ئاستىدىكى قەبرە ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ياسىلىشى گۈزەل ھەم ھەشىمەتلىك. ھىندىستاندىكى ئىسلام ئىمارەتلىرىنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تاردېنوئىس مەدەنىيىتى

  • تاردېنوئىس مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرىدىكى مەدەنىيىتى. ئەڭ ئاۋۋال فرانسىيىدىكى پارىژ شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن تەخمىنەن 110 كىلومېتر يىراقلىققا جايلاشقان تاردېنوئىس (Fèreen — Tardenois) تا تېپىلغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1879-يىلى تەكشۈرۈلگەن. ئۇ ئەڭ كەڭ تارقالغان ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرى مەدەنىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. فرانسىيىدە بۇ مەدەنىيەتنى ئۈچ مەزگىلگە بۆلىدۇ. ئىقتىسادىي تۇرمۇشتا ئوۋچىلىق، سۈزۈۋېلىش ۋە يىغىش ئاساس قىلىنغان. يېڭى قورال — ئوقيا پەيدا بولغان. تاش قوراللار گېئومېترىيىلىك شەكىلدىكى نازۇك تاش قوراللارنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان. ئازىل مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ.

تاردېئۇ

  • تاردېئۇ[يەشمىسى:]Andre Tardieu، 1876—1945) فرانسىيە زۇڭلىسى (1929 — 1930، 1930 — 1932). دەسلەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن، دىپلوماتىيە مەسىلىلىرى ئوبزورچىلىقى بىلەن داڭق چىقارغان. 1914-يىلىدىن تارتىپ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1917-يىلى فرانسىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولغان. جامائەت قۇرۇلۇش مىنىستىرى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، دېھقانچىلىق مىنىستىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان. ئۈچ قېتىم زۇڭلىلىققا سايلانغان، پارتىيە-گۇرۇھتىن تاشقىرىلىق سىياسىيسىنى پائال كۆككە كۆتۈرگەن، لېكىن ئىچكى-تاشقى فاشىستلارغا ئىزچىل ھېسداشلىق قىلغان. ئۇنىڭ «ئالگېسسىراس يىغىنى»، «فرانسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى»، «تىنچلىق» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

تاركىينۇس

  • تاركىينۇس[يەشمىسى:]Tarquinius) قەدىمكى رىمنىڭ پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈمى مەزگىلى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 753 — 509) دىكى ئىككى پادىشاھى، ئىككىلىسى ئېترۇرىيىلىك. (1) تاركىينۇس پىرىسكۇس (Tarquinius Priscus)، بەشىنچى پادىشاھ (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 579 —615). ئېيتىلىشىچە يۇناندىكى كورىنتۇسلۇق دېماراتوس (Demaratos) نىڭ ئوغلى ئىكەن. ئەسلى ئىسمى لۇكۇمون (Lucumon) بولۇپ، ئېترۇرىيىنىڭ تاركىينى (Tarquinii) شەھىرىدە تۇغۇلغان؛ ئايالى تاناكۇي (Tanaqui) نىڭ مەسلىھىتى بىلەن رىمغا بېرىپ پادىشاھ بولغان (ئانكۇ مارسىۋۇنىڭ ئورنىغا) ۋە ئىسمىنى تاركىينۇسقا ئۆزگەرتكەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ ھەم پاراسەتلىك، ھەم جاسارەتلىك بولۇپ، تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە رىم شەھىرىنىڭ سېپىلىنى، مەيدان ۋە كاپتولىن ئىبادەتخانىسىنى ياساتقان ھەمدە ئېترۇرىيىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىق تۈزۈمىنى رىمغا كىرگۈزگەن. (2) تاركىينۇس سۇپېربۇس (Tarquinius Superbus)، يەتتىنچى پادىشاھ (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 534 — 509). پېرىسكۇسنىڭ ئوغلى (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە ئۇنىڭ نەۋرىسى ئىكەن). سېرۋىئۇس تۇللىئۇس (ئالتىنچى پادىشاھ)نىڭ كۈيئوغلى. قېيىن ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈپ تەختنى تارتىۋالغان. رىم تارىخچىسى لىۋىئۇسنىڭ يېزىشىچە، سۇپېربۇس («تەكەببۇر» دېگەن مەنىدە) زالىم ۋە ئۆكتەم بولۇپ، سىناتنىڭ ھوقۇقىغا پىسەنت قىلمىغان، خەلققە ئېغىر ئالۋان-ياساق سالغان، شۇنىڭ بىلەن رىملىقلار ئۇنىڭ زۇلمىغا چىدىيالماي، تەخمىنەن مىلادىدىن 509 يىل ئىلگىرى سۇپېربۇسنى قوغلىۋېتىپ، ئېترۇرىيىلىكلەرنىڭ رىمغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرغان؛ رىمنىڭ پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈمىدىكى دەۋرى ئاخىرلىشىپ، جۇمھۇرىيەت دەۋرىگە كىرىشكە باشلىغان. ئىككى تاركىينۇسنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بەزىدە ئالتىنچى پادىشاھ سېرۋىئۇس تۇللىئۇسنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بىلەن قوشۇپ، «تاركىينۇس سۇلالىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تارلې

  • تارلې[يەشمىسى:]Евгений Викторович Тарле، 1875 — 1955) سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخشۇناسى. 1896-يىلى كيېۋ داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن پېتېربۇرگ، يورىيېۋ، لېنىنگراد ۋە موسكۋا داشۆلىرىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە فاشىست تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىنى تەكشۈرىدىغان دۆلەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى تىنچلىقنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. فرانسىيە تارىخى، خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخى، روسىيىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى تارىخى قاتارلىق نۇرغۇن تارىخىي ئەسەرلەرنى يازغان. ئاساسىي ئەسەرلىرى «فرانسىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ئىشچىلار سىنىپى»، «چوڭ قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىش»، «ناپولېئون»، «قىرىم ئۇرۇشى»، «روسىيە دېڭىز فلوتى ۋە پېتېر Ⅰ نىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

تارۇما دۆلىتى

  • تارۇما دۆلىتى[يەشمىسى:]Taruma) ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ياۋانىڭ غەربى (ھازىرقى جاكارتا، بوگور ئەتراپى) گە توغرا كېلىدۇ. مىلادى Ⅳ ئەسىردە قۇرۇلغان. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پادىشاھ پورماۋارمان (Purmavarman) قوشنا كىچىك دۆلەتلەرنى بويسۇندۇرغان ھەمدە بىر قانال قازدۇرغان. ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، براخمان دىنىغا ئىشەنگەن، ۋارنا تۈزۈمىنى يولغا قويغان، دېھقانلارنىڭ براخمان (كاھىن)غا 1000 كالا تەقدىم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خاتىرىلەر ئويما يېزىق بىلەن پۈتۈلگەن. 414-يىلى، جۇڭگو راھىبى فاشيەن ھىندىستاندىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشىدە بۇ يەرگە كەلگەن. Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاجىزلاپ كەتكەن، كېيىن سىرىۋىجايا تەرىپىدىن يوقىتىلغان بولۇشى مۇمكىن.

تارېنتۇم

  • تارېنتۇم[يەشمىسى:]Tarentum). ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى قەدىمكى يۇنانلىقلار شەھىرى. كارابۇرىيىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا، تارېنتۇم قولتۇقىغا جايلاشقان. تەخمىنەن مىلادىدىن 700 يىل ئىلگىرى (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە مىلادىدىن 706 يىل ئىلگىرى) فالېنتۇس (Phalenthus) باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم سپارتا مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. تۇپرىقى مۇنبەت، مەھسۇلاتى مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېڭىز قاتنىشى قولايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ناھايىتى تېز تەرققىي قىلىپ، پۈتكۈل «چوڭ يۇنان» رايونىدىكى مۇھىم شەھەرگە ئايلانغان. كېمىلەرنى ياساپ، ماتروسلارنى مەشق قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سودا مەنپەئىتىنى قوغدىغان؛ دائىمىي پىيادە ئەسكەرلىرى 20 مىڭدىن ئېشىپ، يەنە ئاتلىق ئەسكەرلىرىمۇ بولۇپ، يۇنانلىقلارنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرى ئىچىدە باشچىلىق ئورنىدا تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇشتۇمزورلۇق سىياسىيسى يولغا قويۇلغان. مىلادىدىن 400 يىل ئىلگىرى مەزگىل ئۆپچۆرىسىدە، پەيلاسوپ ئاركىتاس (Archytas) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، شەھەرنىڭ قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىپ، دېموكراتىك سىياسىينى يولغا قويغان، شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئومۇميۈزلۈك گۈللەنگەن. بايلىقنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تارېنتۇملىقلاردا بايۋەچچىلىك قىلىش ئادىتى كۈنسايىن ئەۋج ئېلىپ، كۈچلۈك قوشنىلىرى (لۇكانىيىلىكلەر، مېساپىيىلىكلەر، بروتلار قاتارلىقلار)نىڭ تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپبۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، نەتىجىدە كۆپ قېتىم ئانا ئېلى — سپارتا ۋە ئېپىرۇس (گرېتسىيىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدا) نىڭ ياردەم بېرىشىنى ئىلتىماس قىلغان. رىمنىڭ تەسىرىنىڭ جەنۇبىي ئىتالىيىگە كېڭىيىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مىلادىدىن 281 يىل ئىلگىرى ئېپىرۇس شاھى پېرروسنى ئەسكەر چىقىرىپ ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن «پېرروس ئۇرۇشى» كېلىپ چىققان. پېرروس مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەن، رىملىقلار تارېنتۇمنى ئىشغال قىلغان ھەمدە جەنۇبىي ئىتالىيىنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان. ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشىدا، تارېنتۇملىقلار كاننىبالغا ئەل بولۇپ رىمغا قارشى تۇرغان(مىلادىدىن ئىلگىرى 212)؛ مەغلۇپ بولۇپ، رىملىقلارنىڭ شەپقەتسىز باستۇرۇشىغ ئۇچرىغان (مىلادىدىن ئىلگىرى 207)، شۇنىڭدى كېيىن خارابلىشىشقا باشلىغان. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە (ئاۋگۇستۇس تەختتە ئولتۇرغانمەزگىلىدە) يېڭىباشتىن گۈللەنگەن؛ ئاھالىسى يەنىلا ئىسراپخورلۇققا بېرىلگەن، بۇ ئەھۋالنى رىم شائىرى ھوراتىئۇس ئالاھىدە تەسۋىرلىگەن. تارېنتۇملىقلار غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىنمۇ يۇنان تىلىنى قوللىنىۋەرگەن، يۇنان مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىسىنىڭ تەسىرى ئۇزاق ۋاقىت ساقلانغان. قەدىمكى يۇنانلىقلار تارېنتۇمنى تاراس (Taras) دەپ ئاتىغان.

تارىخ

  • تارىخ[يەشمىسى:]1) كەڭ مەنىدىن ئالغاندا، ئومۇمەن بارلىق شەيئىلەرنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ھەرىكەت تەرەققىيات جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. تەبىئەت تارىخى ۋە ئىنسانىيەت تارىخى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. ۋاقىت ۋە دائىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالدىنقىسى كېيىنكىسىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئۇزۇن ھەم كەڭ دائىرىدە بولىدۇ. دائىم ئېيتىلىۋاتقان تارىخ، ئادەتتە ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش تارىخى يەنە تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ئۆزئارا بېقىنغان، بىر-بىرىنى چەكلەيدىغان ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ھەرىكەت جەريانىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، تارىخ ئىلمىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى ھېسابلىنىدۇ. تارىخچىلارنىڭ دەسلەپكى خاتىرىلەر ۋە ماددىي ماتېرىياللارغا ئاساسەن، بۇ جەريانغا قارىتا چىقارغان تەتقىقات نەتىجىلىرى، خاتىرىلىرى ۋە بايانلىرىمۇ ئادەتتە تارىخ دەپ ئاتىلىدۇ. (2) «رىم تارىخى»نىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى. كىتاب ئىسمى. قەدىمكى رىم تارىخچىسى تاستۇس يازغان. تەخمىنەن مىلادى 109-يىلى ئەتراپىدا كىتاب بولۇپ چىققان. كىچىك پلىنيۇس ئۇنىڭ ماتېرىياللىرىنى يىغىپ ئايرىم بابلىرى ئۈستىدىن مۇھەررىرلىك قىلىپ تەكشۈرۈپ بېكىتكەن. پۈتۈن كىتاب جەمئىي 12 توم (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە 14 توم). ئاساسەن مىلادى 69-يىل يانۋاردىن تارتىپ مىلادى 96-يىل (دومىتيانوسنىڭ ئۆلۈمى) ئارىلىقىدىكى تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. ھازىر بىرىنچى تومدىن 4-تومغىچە ۋە 5-تومنىڭ باشلىنىش قىسمى يەنى مىلادى 70-يىل ئاۋغۇستقىچە بولغان قىسمى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەجمى ئەسلى كىتابنىڭ ئۈچتىن بىرىگىمۇ يەتمەيدۇ. خاتىرىلەنگەن تارىخىي ۋەقەلەر ئاپتورنىڭ يەنە بىر ئەسىرى «دەۋر خاتىرىلىرى»گە ئۇلانغان بولۇپ، مىلادى بىرىنچى ئەسىردىكى قەدىمكى رىم تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ھۈججەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇسلۇبى ئىخچام، سۆزى ئاددىي ھەم مەزمۇنلۇق، مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، ئاپتور ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ئۇسلۇبىنى ئىپادىلىگەن. خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنغان. (3) كىتاب ئىسمى، يەنى «گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشى تارىخى». «ھېرودوتۇس»قا قاراڭ.

تارىخ ئارخىپخانىسى

  • تارىخ ئارخىپخانىسى[يەشمىسى:] چاۋشيەندىكى كورىيە ۋە لى سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن خانلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى خاتىرىلىرى ۋە باشقا مۇھىم ھۈججەتلەر ساقلىنىدىغان دۆلەتلىك ئارخىپخانا. كورىيە سۇلالىسى دەۋرىدە پايتەخت كايسوڭ (كايجىڭ)دا تارىخ مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ، تارىختا ئۆتكەن خانلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى خاتىرىلىرى ساقلانغان. قىتانلار باستۇرۇپ كىرگەندە ۋە يى زىچيەن توپىلىڭى ۋاقتىدا تارىخ مەھكىمىسى نەچچە قېتىم پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان. 1227-يىلى (كوجوڭنىڭ 14-يىلى) ئىككى نۇسخا «مىن جوڭ ئىش-پائالىيەتلىرى خاتىرىسى» تۈزۈلۈپ، كايسوڭ تارىخ مەھكىمىسى بىلەن خەييىن بۇتخانىسى (كيوڭساڭ-بۇكدو ئۆلكىسى كولىڭ ۋىلايىتى)دە ساقلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئىچكى ۋە تاشقى تارىخ ئارخىپخانىسى بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن موڭغۇللارنىڭ ۋە ياپون قاراقچىلىرىنىڭ باستۇرۇپ كىرىشى تۈپەيلىدىن، خەييىن بۇتخانىسى تارىخ ئارخىپخانىسى بىرنەچچە قېتىم يۆتكىلىپ، ئاخىر 1392-يىلى چۇڭجۇغا يۆتكەلگەن. لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ئوردىدىكى چۇنچيۇ مەھكىمىسى بىلەن چۇڭجۇدا ئىچكى ۋە تاشقى ئىككى تارىخ ئارخىپخانىسى بارلىققا كەلگەن. 1439-يىلى(سېجوڭنىڭ21-يىلى) چونجۇ (چوللا-دو ئۆلكىسى) ۋە شىڭجۇ (كيوڭساڭ-دو ئۆلكىسى) دا ئىككى ئورۇندا تاشقى تارىخ ئارخىپخانىسى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنغان، شۇنداق قىلىپ، 1445-يىلى (سېجوڭنىڭ 27-يىلى)غا كەلگەندە تۆت تارىخ ئارخىپخانىسى شەكىللەنگەن. رېنچېن ۋەتەن ئۇرۇشى ۋاقتىدا چۇنچيۇ مەھكىمىسى، جۇڭجۇ، شىڭجۇ تارىخ ئارخىپخانىلىرى ۋەيران بولۇپ، پەقەت چونچيۇ تارىخ ئارخىپخانىسىلا ساق قالغان، ئاخىر كاڭخۇا ئارىلىغا يۆتكەلگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن تاشقى تارىخ ئارخىپخانىلىرى قايتا قۇرۇلۇپ، 1605-يىلى (شۇەنجۇنىڭ 38-يىلى)غا كەلگەندە تۆۋەندىكى تۆت تارىخ ئارخىپخانىسى بارلىققا كەلگەن: (1) كاڭخۇا تارىخ ئارخىپخانىسى. كيوڭگى-دو ئۆلكىسى كاڭخۇا ۋىلايىتىدىكى مانى تېغىدا بولۇپ، كېيىن دىڭزۇ تېغىغا يۆتكەلگەن. (2) مىيوخياڭ-سان تېغى تارىخ ئارخىپخانىسى، پيوڭئان-دو ئۆلكىسىنىڭ شىچون ۋىلايىتىدىكى فۇشيەن بۇتخانىسىدا. 1633-يىلى (ئىنجۇنىڭ 11-يىلى) چوللا-دو ئۆلكىسى شاڭجۇ ۋىلايىتىدىكى چىشاڭ تېغىغا يۆتكەلگەن. (3) تايبايېك-سان تېغى تارىخ ئارخىپخانىسى. كيوڭساڭ-دو ئۆلكىسى فېڭداي ۋىلايىتىدىكى جۇخۇا بۇتخانىسىدا.(4) ۋۇتاي-سان تېغى تارىخ ئارخىپخانىسى. كاڭۋون-دو ئۆلكىسى پيوڭچاڭ ۋىلايىتىدىكى شاڭيۇەن بۇتخانىسىدا. بۇ تارىخ ئارخىپخانىلىرىنىڭ ھەممىسىدە تارىخ كىتابلىرى بۆلمىسى ۋە مەنبەلەر بۆلمىسى بار بولۇپ، ياغاچ قۇرۇلمىلىق قىلىپ ئىككى قەۋەتتىن ياسالغان. ئەتراپى پاكار تام بىلەن ئورالغان. تامنىڭ سىرتىغا باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ تۇرالغۇسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تارىخ كىتابلىرى بۆلمىسىدە خانلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى خاتىرىلىرى ساقلانغان. مەنبەلەر بۆلمىسىدە خانلار جەمەتىنىڭ نەسەبنامىلىرى بىلەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نەشىر قىلغان باشقا كىتابلار ساقلانغان.1910-يىلدىن كېيىن تاشقى تارىخ ئارخىپخانىلىرى بىكار قىلىنىپ، ئۇ يەرلەردە ساقلانغان كىتابلارنىڭ ھەممىسى سېئۇلغا يىغىپ ئەكىلىنگەن.

تارىخ پەلسەپىسى

  • تارىخ پەلسەپىسى[يەشمىسى:] كىتاب نامى. گېرمانىيە پەيلاسوپى گېگېل يازغان. ئەسلىدە بۆ كىتاپ ئاپتورنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بېرلىن داشۆسىدە تارىخ پەلسەپىسىدىن بەرگەن لېكسىيە ئورىگىنالى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى، دوكتور گانس تەرىپىدىن رەتلىنىپ، گېگېل ئۆلگەندىن كېيىن مىراس قالغان ئەسەر سۈپىتىدە نەشىر قىلىنغان. بىر پارچە مۇقەددىمە ۋە تۆت قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، شەرق دۇنياسى، يۇنان دۇنياسى، رىم دۇنياسى ۋە گېرمان دۇنياسى بايان قىلىنغان. ئاپتورنىڭ كىشىلىك جەمئىيەت تارىخىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تارىخى «مۇتلەق روھ» ياكى «دۇنياۋى ئىدراك»نىڭ پائالىيەت جەريانىدۇر؛ جۇغراپىيىلىك مۇھىت كىشىلىك جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قارىتا غايەت زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالغان. خەلق ئاممىسى ۋە ئۇلۇغ شەخسلەرنىڭ تارىختىكى رولى، دۇنيا تارىخىنىڭ دەۋرلەرگە بۆلۈنۈشى ۋە دۆلەت قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ مۇھاكىمە قىلغان. ئاپتور بۇ كىتابىدا ئىنسانىيەت تارىخى ھادىسىلىرىنى دىئالېكتىكا ئارقىلىق تەھلىل قىلىپ، مول قىممەتكە ئىگە ئىدىيىۋى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن. خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بار.

تارىخ تەتقىقاتى

  • تارىخ تەتقىقاتى[يەشمىسى:] كىتاب ئىسمى. ھازىرقى زامان ئەنگلىيە تارىخچىسى تويىنبې يازغان. 1934-يىلدىن باشلاپ نەشىر قىلىنىپ 1961-يىلى تاماملانغان، جەمئىي 12 توم. بۇ كىتابنىڭ ئامېرىكىلىق سومېرۋېل (D.C.Somervell) نەشىر قىلغان قىسقارتىلغان نۇسخىسى ناھايىتى كەڭ تارقالغان. ئاپتور گېرمانىيە تارىخى پەلسەپىچىسى سېپېڭلېرنىڭ «مەدەنىيەت فورماتسىيىسى تارىخىي كۆزقارىشى»غا ۋارىسلىق قىلغان ھەم ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرغان. ئۇنىڭ قارىشىچە: ئىنسانىيەت تارىخىدا 21 خىل (باشقىچە ئېيتىلىشىچە 26 خىل) مەدەنىيەت بارلىققا كەلگەن، ھەربىر خىل مەدەنىيەتنىڭ ھەممىسى بارلىققا كېلىش، ئۆسۈش، زاۋالغا يۈز تۇتۇش ۋە پارچىلىنىشتىن ئىبارەت 4 باسقۇچنى باشتىن ئۆتكۈزگەن؛ ئىنسانىيەت تارىخى مۇشۇ 21 خىل (باشقىچە ئېيتىلىشىچە 26 خىل) مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىن يىغىلىپ شەكىللەنگەن؛ تارىخشۇناسلارنىڭ ۋەزىپىسى ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتى ھەققىدىكى قانۇنىيەتلەرنى ئىزدەپ تېپىشتىن ئىبارەت. ئۇ يەنە، مەدەنىيەتنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە ئۆسۈشى كىشىلەرنىڭ «مۇھىتنىڭ خىرىس»قا «قارشى جەڭگە ئاتلىنىش» ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ؛ لېكىن بۇنداق «قارشى جەڭگە ئاتلىنىش» ئىقتىدارى بارلىرى پەقەت ئاز ساندىكى «ئىجادچانلىق» قا ئىگە ئۇلۇغ كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار مەدەنىيەتنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدۇر، دەپ تونۇيدۇ. سپېڭلېرغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى: مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى پەقەت غەربنىڭ خرىستىئان مەدەنىيىتىلا تۆتىنچى باسقۇچتىن ساقلىنىپ قېلىشى، داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ كاپىتالىزم تۈزۈمىنى ئاقلىغانلىق، بۇ كىتابنىڭ ئۈچ قىسىملىق خەنزۇچە تەرجىمىسى بولۇپ، سومېرۋېلنىڭ قىسقارتىلما نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلىنغان.

تارىختىن بۇرۇنقى تارىخشۇناسلىق

  • تارىختىن بۇرۇنقى تارىخشۇناسلىق[يەشمىسى:]يېزىق تارىخى پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئىنسانىيەت تارىخى باسقۇچلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. بۇ تارىخىي باسقۇچ تارىختىن بۇرۇنقى تارىخ دەپ ئاتىلىدۇ. ئاساسەن خارابىلەر، ئاسارئەتىقىلەر ھەم ئىنسانىيەتنىڭ باشقا پائالىيەتلىرىدىن قېپقالغان ئىزلارنى ئارخېئولوگىك تەكشۈرۈش، قېزىش ئارقىلىق بۇ تارىخىي باسقۇچتىكى ئىنسانىيەت تۇرمۇشى، جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىدۇ.

تارىخشۇناسلىق

  • تارىخشۇناسلىق[يەشمىسى:]«تارىخ»، «تارىخ ئىلمى» گە قاراڭ.

تارىخشۇناسلىق

  • تارىخشۇناسلىق[يەشمىسى:]ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان پەن. ئۇ قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئىنسانىيەت جەمئىيىتى، مەملىكەتلەر، رايونلار ۋە مىللەتلەرنىڭ تارىخى ھەققىدە ئومۇملاشتۇرۇپ، دەۋرلەرگە بۆلۈپ ياكى تۈرلەر بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ھەمدە تارىخشۇناسلىقنىڭ ئومۇمىي قائىدىلىرى بىلەن ئۇسۇللىرىنى شەرھلەپ بېرىدىغان تارىخشۇناسلىق ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە ئىلمىنى، تارىخشۇناسلىقنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئىزدىنىدىغان تارىخشۇناسلىق تارىخى ئىلمىنى، تارىخىي مەنبەلەر ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان مەنبەشۇناسلىق ئىلمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.قەدىمكى دەۋرلەردىلا تارىخىي ۋەقەلەرنى خاتىرىلەش ۋە تارىخ يېزىش، تۈزۈش ئىشى بارلىققا كەلگەنىدى. تارىختا ھەرقايسى مەملىكەت ۋە ھەرقايسى مىللەتلەردىن نۇرغۇنلىغان تارىخشۇناسلار يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار ھەرخىل تارىخىي ئەسەرلەرنى يېزىپ، زور مىقداردىكى تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاپ، تارىخشۇناسلىق نەزەرىيىلىرى ۋە تارىخ يېزىش ئۇسۇللىرىنى بايان قىلىپ، ئىنسانلار ئۈچۈن قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرغان. سىنىپىي جەمئىيەتتىكى تارىخشۇناسلىقتا روشەن سىنىپىيلىك بولىدۇ، ماركسىزمدىن ئىلگىرىكى ھەر خىل تارىخشۇناسلىق، دەۋر ۋە سىنىپىي چەكلىمىلىك تۈپەيلىدىن، ماھىيەت جەھەتتە ئومۇمەن ئەزگۈچى سىنىپلار مەنپەئىتىگە بېقىنغان بولۇپ، ئۇلاردا ئىككى تۈپ ئاجىزلىق بار ئىدى: بىرىنچى، پەقەت ئىنسانلار تارىخىي پائالىيەتلىرىنىڭ ئىدىيىۋى مۇددىئاسىنى تەكشۈرۈش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، بۇ خىل ئىدىيىۋى مۇددىئانى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنى تەتقىق قىلمىغان، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىنى تونۇپ يەتمىگەن؛ ئىككىنچى، تارىخىي تەرەققىياتنى خان-پادىشاھ، ۋەزىر-لەشكەر بېشى، باتۇر قەھرىمانلارنىڭ پائالىيىتىگە، تاجاۋۇزچىلار بىلەن بويسۇندۇرغۇچىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە باغلاپ قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تارىخنى يارىتىشتىكى رولىنى ئېتىراپ قىلمىغان. شۇڭلاشقا ئۇ تارىخىي ئىدېئالىزملىق خاراكتېردە بولۇپ، ھەقىقىي تارىخ ئىلمى ئەمەس. ماركس بىلەن ئېنگېلس دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمنى يارىتىپ ھەمدە ئۇنى تارىخنى تەھلىل قىلىش ۋە شەرھلەشكە تەتبىقلىغان. «يەنى تارىخنى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە زىددىيەت بىلەن تولغان، لېكىن يەنىلا قانۇنىيەتلىك بولغان بىر پۈتۈن جەريان تەرىقىسىدە تەتقىق قىلدى» («ماركس-ئېنگېلس ئەسەرلىرى»، 1-توم، 20-بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى). شۇنىڭدىن كېيىنلا تارىخشۇناسلىق بىرىنچى قېتىم پەن دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. «تارىخ ئىلمى» گە قاراڭ.

تارىخشۇناسلىق تارىخى

  • تارىخشۇناسلىق تارىخى[يەشمىسى:]تارىخشۇناسلىقنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى تەتقىق قىلىدىغان ھەم بايان قىلىدىغان پەن. تارىخشۇناسلىقنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى. ئادەتتە، تارىخ پەلسەپىسى، تارىخ يېزىش-تۈزۈش ئىلمى، تارىخىي ماتېرىيالشۇناسلىق ۋە تارىخ مېتودولوگىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ماركسىزم ئىدىيىسى يېتەكچىلىكىدە قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان تارىخشۇناسلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ كونكرېت جەريانىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتى ھەم تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىزلەشتىن؛ تارىخ پەلسەپىسى ئېقىملىرىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرىنى تەتقىق قىلىپ، مەنبەسىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ تەسىرىنى ئېنىقلاش ھەمدە تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكى ھەرقايسى ئېقىملار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنى، بولۇپمۇ تارىخىي ماتېرىيالىزم بىلەن ھەر رەڭ-ھەر شەكىلدىكى تارىخىي ئىدېئالىزم ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنى تەتقىق قىلىشتىن؛ تارىخ بىلىملىرىنىڭ توپلىنىش جەريانىنى تەكشۈرۈش ۋە تارىخ تۈزۈش ئىلمىنىڭ مېۋىلىرىنى يەكۈنلەپ، ھەرقايسى دەۋرلەردە ياشىغان بەلگىلىك نەتىجىسى بولغان تارىخشۇناسلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىتا دەل لايىقىدا باھا بېرىشتىن؛ تارىخىي مەنبەلەرنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن تارىخىي ماتېرىياللارنى پەرق ئېتىش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى بەلگىلەشتىن؛ تارىخشۇناسلىق ئۇسۇللىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىپ، تارىخشۇناسلىق ئۇسۇللىرىنىڭ تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشتىن ئىبارەت. تارىخشۇناسلىق تارىخى توغرىسىدىكى تەتقىقات ئومۇمەن ئالغاندا، ئۆز دۆلىتىنىڭ تارىخشۇناسلىق تارىخى، چەت ئەللەر تارىخشۇناسلىق تارىخى ۋە دەۋرلەرگە بۆلۈنگەن تارىخشۇناسلىق تارىخىغا بۆلۈنىدۇ.

تارىخنى دەۋرلەرگە بۆلۈش

  • تارىخنى دەۋرلەرگە بۆلۈش[يەشمىسى:]تارىخ ئىلمىنى تارىخىي دەۋرلەرگە ئايرىش ئارقىلىق تەتقىق قىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇل. ئۇنىڭدىن مەقسەت، تارىخىي جەرياننىڭ ئوخشىمىغان مەزگىل ياكى باسقۇچلىرى ئارىسىدىكى سۈپەت پەرقىدىن تارىخ تەرەققىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى تېپىشتىن ئىبارەت. كونا تارىخشۇناسلىقتا خانلىق سىستېمىسى، ئىرقىي-ئۇرۇقلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى، مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى، سىياسىي ئىسلاھات، دۆلەت پرىنسىپى، ئەسىر-دەۋرلەر، نوقۇل ئېتىقاد قاتارلىقلار بويىچە ئايرىيدىغان ھەر خىل ئۇسۇللار بولغان. بۇلارنىڭ بەزىلىرى گەرچە بەلگىلىك رول ئوينىغان بولسىمۇ، لېكىن بىردەك ئىلمىي ئەمەس. ماركسىزملىق تارىخشۇناسلىق ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي فورماتسىيە تەلىماتىنى تارىخنى دەۋرلەرگە ئايرىشنىڭ ئىلمىي نەزەرىيە ئاساسى قىلىپ، كىشىلىك جەمئىيەت تارىخىنى باشلانغۇچ كوممۇنا تۈزۈمى، قۇللۇق تۈزۈم، فېئوداللىق تۈزۈم، كاپىتالىزم ۋە كوممۇنىزم (تۆۋەنكى باسقۇچتىكى سوتسىيالىزمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن ئىبارەت بەش دەۋرگە بۆلىدۇ. دۇنيا ئومۇمىي تارىخى ئادەتتە قەدىمكى زامان، ئوتتۇرا ئەسىر، يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زاماندىن ئىبارەت تۆت دەۋرگە ئايرىلىدۇ. بىر خىل ئىجتىمائىي فورماتسىيىدىن يەنە بىر خىل ئىجتىمائىي فورماتسىيىگە ئۆتۈش، مەلۇم بىر خىل ئىجتىمائىي فورماتسىيىنىڭ ھەر خىل باسقۇچلىرى، ھەرقايسى دۆلەت ۋە ھەرقايسى مىللەتلەر تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ خىلمۇ خىللىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، تارىخنى دەۋرلەرگە ئايرىش مەسىلىسىدە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەردە تېخى تالاش-تارتىش كۆپ.

تارىخ ئىلمى

  • تارىخ ئىلمى[يەشمىسى:]ئادەتتە ئىلمىي تارىخشۇناسلىقنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلىك جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ كونكرېت جەريانى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتچانلىقىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدىغان ئىجتىمائىي پەن. ماركسىزمدىن ئىلگىرى، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەردىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مول تارىخىي ماتېرىياللار ۋە تارىخىي ئەسەرلەرنى جۇغلاپ ھەر خىل تارىخشۇناسلىق ئىلىملىرىنى (تارىخشۇناسلىققا قارالسۇن) مەيدانغا كەلتۈرگەن. لېكىن ئۇ چاغلاردا، دەۋر ۋە سىنىپىي چەكلىمىلىك تۈپەيلىدىن، قەتئىيرەك قىلىپ ئېيتقاندا تارىخشۇناسلىق تېخى بىر پەن بولمىغان. ماركس ۋە ئېنگېلس دىئالېكتىك ماتېرىيالىزمنى تارىخ تەتقىقاتىغا تەتبىقلاپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيەتلىرىنى تېپىپ چىقىپ، تارىخىي ماتېرىيالىزمنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ھەرخىل ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي فورماتسىيىلەرنىڭ يۈز بېرىش، راۋاجلىنىش ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى، يەنى ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمىدىن قۇللۇق تۈزۈم، فېئوداللىق تۈزۈم، كاپىتالىستىك تۈزۈمنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ سوتسىيالىزمغا كىرىش ھەمدە كوممۇنىزمغا ئۆتۈشنىڭ مۇقەررەر جەريان ئىكەنلىكىنى، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى جەمئىيەتتىكى تۈپ زىددىيەت، يەنى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىسنىڭ زىددىيىتى ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئورنى ۋە رولىنى ئېچىپ بېرىپ، تارىخ ئىلمىنى ھەقىقىي پەنگە ئايلاندۇردى، ماركسىزملىق تارىخ ئىلمىنىڭ ۋەزىپىسى، ئىنسانىيەت تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىنى تېپىش ۋە چۈشەندۈرۈش، تارىخىي تەرەققىيات جەريانلىرىنى شەرھلەش، تارىخىي بىلىملەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتنى بىلىش، جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. ئۇ ئىنقىلابىيلىق بىلەن ئىلمىيلىكنىڭ بىرلىكىنى ساقلاشتا چىڭ تۇرىدۇ ھەمدە تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەيدۇ.

تارىىخي ماتېرىيال

  • تارىىخي ماتېرىيال[يەشمىسى:]تارىخنى تەتقىق قىلىش، شەرھلەش ۋە تۈزۈشتە پايدىلىنىلىدىغان ماتېرىياللار. بۇلارنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئاساسلىق مەنبەسى: ئاغزاكى ئەسەرلەر (مەسىلەن، رىۋايەتلەر،ناخشا-قوشاقلار)، ماددىي نەرسىلەر (مەسىلەن، ئارخېئولوگىيىلىك ئىزلار، خارابىلەر، قالدۇقلار) ۋە يازمىلار (مەسىلەن، مەڭگۈ تاش-ئويمىلار، ئارخىپ ھۈججەتلىرى، ئەسەرلەر) دىن ئىبارەت بولۇپ، تارىخ كىتابلىرى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق تەركىبىي قىسىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەربىر دەۋر بەلگىلىك تىپىك خاراكتېرگە ئىگە ماتېرىيال ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدۇ، بۇ ئاشۇ دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى، سىياسىي تۈزۈمى ۋە ئاڭ فورماتسىيىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. تارىخىي مەنبەلەرنى توپلاش، ساقلاش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تەرتىپكە سېلىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش خىزمىتى تارىخىي ماتېرىيالشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات دائىرىسىگە كىرىدۇ.

تارىخىي ماتېرىيالشۇناسلىق

  • تارىخىي ماتېرىيالشۇناسلىق[يەشمىسى:]تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاش، رەتلەش، تەھلىل قىلىش ۋە ئۇلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ، تارىخشۇناسلىقنىڭ ياردەمچى تارمىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يېتەرلىك دەرىجىدە تارىخىي ماتېرىياللارنى يەتكۈزۈپ بېرىش — تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئاساسى. ماركسىزمدىن ئىلگىرىكى تارىخىي ماتېرىيالشۇناسلىق گەرچە مول ماتېرىياللارنى توپلىغان، كۆپلىگەن تەھلىل تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن تارىخىي ماتېرىياللارنى ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ۋە سىنىپىي كۈرەشتىن ئايرىپ قاراپ، ئۇلارنى ئىدېئالىزم نۇقتىسىدا تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ، تارىخىي-ماتېرىياللارنى تاللاش، ئىشلىتىشتە سىنىپىي چەكلىمىلىككە ئۇچرىغاچقا، ھەتتا تارىخىي ماتېرىياللارنى ئويدۇرۇپ چىقارغۇچىلارمۇ بولغان. ماركسىزملىق تارىخىي ماتېرىيالشۇناسلىق تارىخىي ماتېرىيالىزمنى يېتەكچى قىلىپ، تارىخىي ماتېرىياللارنى مۇئەييەن ئىجتىمائىي -ماددىي تۇرمۇشنىڭ مەھسۇلى دەپ قاراپ، بەزى ئۇسۇللارنى، مەسىلەن، قەدىمكى يېزىقشۇناسلىق، ئارخېئولوگىيە، كاتالوگىيە، كىتابشۇناسلىق، ئېپىگرافىيە، تامغىشۇناسلىق،ئارخىپشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەتبىقلاپ، تارىخىي ماتېرىياللارنى يىغىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تەھرىرلەپ تۈزىتىش،تۈزۈش ۋە شەرھلەش-يېشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ راست-يالغانلىقى، توغرا-خاتالىقى، قىممىتى، مەنبەسى، ئاپتورى ھەم يېزىلغان ياكى شەكىللەنگەن ۋاقتى قاتارلىقلارنى ئېنىقلاشنى؛ زور مىقداردىكى مۇرەككەپ تارىخىي ماتېرىياللارنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش ۋە يىغىنچاقلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تارىخىي تەجرىبىلەرنى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى قانۇنىيىتىنى يەكۈنلەش جەھەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

تارىخىي مورفولوگىيە

  • تارىخىي مورفولوگىيە[يەشمىسى:]مەدەنىيەت فورماتسىيىسى تارىخ قارىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھازىرقى غەرب بۇرژۇئا تارىخشۇناسلىق ئېقىمى. 1917-يىلى 12-ئايدا، گېرمانىيە تارىخ پەيلاسۇپى سپىنگلېر ئۆزى يازغان «غەربنىڭ زاۋال تېپىشى» نى نەشىر قىلىپ، مەدەنىيەت فورماتسىيىسى تارىخ قارىشىنى تۇنجى قېتىم تەرغىپ قىلغان. كېيىن ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس تويىنبېي «تارىخ تەتقىقاتى» نى يېزىپ، بۇ ئىلمىي ئېقىمنىڭ كۆزقارىشىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان. ئەنئەنىۋى دۆلەت پەرقى تارىخى ۋە دەۋر پەرقى تارىخىي چۈشەنچىلىرىدىن ۋاز كېچىپ، مەدەنىيەتنى تارىخ تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى قىلىپ، مەدەنىيەت بىر خىل ھاسىل بولۇش، ئۆسۈش، گۈللىنىش، زاۋاللىققا يۈز تۇتۇش قاتارلىق تەرەققىيات باسقۇچلىرى بولغان ئورگانىزم دەپ قارىغان ھەمدە ھەرقايسى مەدەنىيەتلەرنىڭ گۈللىنىش، زاۋاللىققا يۈز تۇتۇش جەريانلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مۇساپىسىنى تەھلىل قىلىپ چۈشەندۈرگەن. سىپىنگلېر دۇنيادا ئۆز ئالدىغا سىستېما بولغان سەككىز خىل مەدەنىيەت مەۋجۇت، لېكىن ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى ئوخشاش قانۇنىيەتلەرگە بويسۇنۇپ، زاۋاللىققا قاراپ يۈزلىنىدۇ، دەپ قارالغان، تويىنبېي بولسا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ دۇنيا تارىخىنى بىرقانچە مەدەنىيەت (ياكى جەمئىيەت) كە بۆلۈپ، تارىختا 21 خىل (باشقىچە ئېيتىلىشىچە 26 خىل) مەدەنىيەت بولغان، قالغان ھەر خىل مەدەنىيەتلەر بىردەك ھالاك بولغان ياكى زاۋاللىققا يۈز تۇتقان، پەقەت غەربنىڭ خرىستىئان مەدەنىيىتىلا «ئىجادىي ھاياتىي كۈچى» نى ساقلاپ قالغان دەپ جۆيلۈگەن. بۇنداق سۇبيېكتىپلارچە ئاساسسىز ھۆكۈم چىقىرىش، كاپىتالىزم تۈزۈمىنى ئاقلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

تازىك

  • تازىك[يەشمىسى:]ياكى تارجىيىك، جۇڭگونىڭ تارىخ كىتابلىرىدا ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاتىلىشى. پارس يېزىقىدىكى Taziks, Tazi، نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئەسلى پارس قەبىلىسىنىڭ نامى.

تاسسىگنىي

  • تاسسىگنىي[يەشمىسى:] (1889 — 1952). فرانسىيىلىك ھەربىي. 1913-يىلى سان سىر ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1921 — 1926-يىللىرى مەراكەشتە تۇرۇشلۇق فرانسىيە قوشۇنىدا خىزمەت قىلغان، كېيىن ۋېيگاند شتابىدا ئىشلىگەن. 1939-يىلى دىۋىزىيە باشلىقى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا فرانسىيە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ۋىشى ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنىستا تۇرۇشلۇق فرانسىيە قوشۇنىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. فرانسىيە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىسى بولغانلىقتىن، 1942-يىلى 11-ئايدا قولغا ئېلىنغان، ئىككىنچى يىلى ئالجىرىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1944-يىلى 8-ئايدا، بىرىنچى ئارمىيىگە باشچىلىق قىلىپ فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدا قۇرۇقلۇققا چىققان ھەمدە گېرمانىيە زېمىنىغا بېسىپ كىرگەن. 1945-يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنى فرانسىيىگە ۋەكالىتەن گېرمانىيىنىڭ تەسلىمنامىسىگە ئىمزا قويغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئارمىيە باش نازارەتچىسى (1945) ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ قوماندانى (1949) بولغان. 1950-يىلى ھىندىچىنىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ۋالىيسى ۋە شۇ يەردە تۇرۇشلۇق فرانسىيە قوشۇنىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما مەغلۇبىيەت ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەن. ئۆلگەندىن كېيىن فرانسىيە مارشالى دېگەن نام بېرىلگەن.

تاسسىلى ناججېر

  • تاسسىلى ناججېر[يەشمىسى:]Ajjer n Tassili). شىمالىي ئافرىقىدىكى تاش سۈرەت خارابىسى. ئالجىرىيە سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىكى ئۇزۇنلۇقى 800 كىلومېتر، كەڭلىكى 50 — 60 كىلومېتر، ئېگىزلىكى مىڭ نەچچە يۈز مېتر كېلىدىغان تاغ تىزمىسىدا. ئاساسىي خارابىلەر سېفار، تان زىۋەنتاغ، تاملېت، ئۇيېت. جىرات قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 1909-يىلدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن تېپىلغان. كىلىمات ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، تاش سۈرەتلەرنىڭ تېمىسى ۋە شەكلىمۇ ئۆزگىرىپ بارغان بولۇپ، ئاساسەن قوپال دەۋرى؛ ئوۋچى دەۋرى؛ كالا بېقىش دەۋرى؛ ئات دەۋرى؛ تۆگە دەۋرىگە بۆلۈش مۇمكىن. دەسلەپكى مەزگىلدە بىرقانچە تەسۋىرىي سۈرەتلەر بولسىمۇ، ئەمما تولىسى رەڭلىك رەسىم بولۇپ، ئوۋچىلىق، چارۋا بېقىش، جەڭ قىلىش، ئۇسسۇل ئويناش، ئائىلە تۇرمۇشى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەرنى ئىپادىلىگەن. ئاخىرقى مەزگىلدە يېزىق پەيدا بولغان.

تاسمان

  • تاسمان[يەشمىسى:]Abel Janszoon Tasman، 1603 — 1659). گوللاندىيىلىك دېڭىزچى. شەرقىي ھىندىستان شىركىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1639-يىلى شىمالىي تىنچ ئوكياننى چارلاپ تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلىپ، ياپونىيە، سۇماترا قاتارلىق جايلارغا بارغان. 1642-يىلى گوللاندىيىگە قاراشلىق شەرقىي ھىندىستاننىڭ باش ۋالىيسى ۋان دېمې-ن ( Anton Van Diemen، 1593 — 1645) نىڭ بۇيرۇقى بويىچە، نامەلۇم «جەنۇبىي چوڭ قۇرۇقلۇق» نى ئىزدەپ، ئالتۇن-كۈمۈش تېپىش ئۈمىدى بىلەن يىراققا سەپەر قىلىپ، تاسمانىيە ئارىلىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا بارغان ۋە ئۇنىڭغا ۋان دېمېن يېرى دەپ نام قويغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يېڭى زېللاندىيىنىڭ جەنۇبىي ئارىلىنى «تاپقان». يېڭى گوللاندىيە (يەنى ئاۋسترالىيە) نى غايەت زور جەنۇبىي چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارىغان.1644-يىلى ئاۋسترالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شىمالىي دېڭىز قىرغىقىنى چارلاپ تەكشۈرگەن. 1694-يىلى ئەنگلىيىدە تاسماننىڭ تاسمانىيە ئارىلىنى ۋە يېڭى زېللاندىيىنى «تېپىش» دېڭىز سەپىرىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان.

تاشپاقا كېمە

  • تاشپاقا كېمە[يەشمىسى:]چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھەربىي كېمە. 1591-يىلى (شۈەنزۇڭنىڭ 24-يىلى) سىللا سول يۆنىلىش دېڭىز ئارمىيە باسقاق بېگى لى شۇنچېن ئەسلىدىكى تاشپاقا كېمىنى ئۆزگەرتىپ ياساپ چىققان. دۈشمەن تەرەپنىڭ توپ ئوقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېمىنىڭ ئۈستى قېلىن ياغاچ قاپقاق بىلەن يېپىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى خۇددى تاشپاقىنىڭ دۈمبىسىگە ئوخشاش بولغانلىقى، كېمىنىڭ باش تەرىپىگە ئەجدىھانىڭ بېشى ئورنىتىلغانلىقى، كېمىنىڭ قۇيرۇقىغا تاشپاقىنىڭ قۇيرۇقى ئورنىتىلغانلىقى ئۈچۈن تاشپاقا كېمە دەپ ئاتالغان. قاپقىقىنىڭ ئۈستىدە تۆت تەرەپكە ئۆتۈشىدىغان يول بولغاندىن سىرت، كېمىنىڭ ھەممە تەرىپىگە قىسقا ئۇچلۇق نەيزە ئورنىتىلغاچقا دۈشمەنلەر كېمىگە چىقىشقا پېتىنالمايتتى. كېمە كايۇتىسى گۈمبەزسىمان بولۇپ، ئەسكەر ۋە ماتروسلار ئازادە ھەرىكەت قىلالىغان. كېمىنىڭ ئوڭ، سول ئىككى تەرىپىدە ئالتىدىن زەمبىرەك ئېتىش ئېغىزى بولغان. كېمىنىڭ بېشى ۋە قۇيرۇق قىسمىغىمۇ يوشۇرۇن زەمبىرەك ئېتىش ئېغىزلىرى قويۇلغان. لى شۇنچېن چاۋشيەن دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تاشپاقا كېمىلىرىگە قوماندانلىق قىلىپ، ياپونىيىنىڭ توتېتومى خېدېيۇشى باشچىلىقىدىكى تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرى بىلەن دېڭىز ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، كۈچلۈك دۈشمەننى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان ۋە شانلىق جەڭ نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. ياپونىيە ئارمىيىسى بۇ كېمىنى قارىغۇ كېمە دەپ ئاتاشقان. كېيىنچە بىرنەچچە قېتىم ياخشىلاش ئارقىلىق چوڭ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى كېمىلەرنى ياساپ چىقىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى دېڭىز ئارمىيە بازىلىرىغا سەپلەپ بەرگەن.

تاش پالتا

  • تاش پالتا[يەشمىسى:]قەدىمكى تاش قورال دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى بىر خىل سايمان. بۇ خىل سايمان يوغان ھەم قوپال بولۇپ، ياپىلاق، بەزىلىرى ئېللىپس شەكىللىك بولۇپ، پالتىغا ئوخشايدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە پالتا ئەمەس. ياسىغاندا تاشنىڭ بىر ئۇچىنىڭ ئىككى تەرىپىنى بىر-بىرىگە سۈركەش ئارقىلىق ئۇچلۇق شەكىلگە كەلتۈرۈپ، يەنە بىر ئۇچى قولدا تۇتۇشقا ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن يۇمىلاق ياسىلىدۇ. ئىپتىدائىي ئىنسانلار بۇنى نەرسە-كېرەكلەرنى كولاش ۋە كېسىشكە ئىشلەتكەن.

تاشقا ئايلانغان سۆڭەك تەركىبىدىكى فتور مىقدارىغا ئاساسلىنىپ دەۋرگە ھۆكۈم قىلىش

  • تاشقا ئايلانغان سۆڭەك تەركىبىدىكى فتور مىقدارىغا ئاساسلىنىپ دەۋرگە ھۆكۈم قىلىش[يەشمىسى:]تاشقا ئايلانغان سۆڭەكنىڭ نىسپىي دەۋرىنى ئېنىقلاشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. ئىنسانلار ۋە ھايۋاناتلارنىڭ سۆڭىكى بىلەن چىشى ئاساسەن فتور بىلەن ئىنتايىن ئاسان بىرىكەلەيدىغان گىدروكسىدلىق فوسفورلۇق مىنېرال [Ca 01 (PO4) 6 (OH) 2 ] دىن تەركىب تاپقان. جەسەتلەر يەرگە كۆمۈلگەندىن كېيىن يەر ئاستى سۇلىرى تەركىبىدىكى فتور بىلەن تەدرىجىي بىرىكىپ تۇراقلىق بولغانفتور-فوسفورلۇق مىنېرال [Ca 01 (PO4) 6 F 2 ] نى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا، تاشقا ئايلانغان سۆڭەكنىڭ تەركىبىدىكى فتور مىقدارى نىسبىتىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە ئاساسەن، مىكرو مىقدارلىق خىمىيىۋى ئانالىز ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ،كۆمۈلگەن يىلنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا ئەۋرىشكە ئېلىش ئاسان بولۇپ، پەقەت 30 — 100 مىللىگرام ئەۋرىشكە بولسىلا كۇپايە قىلىدۇ، لېكىن ئوخشىمىغان ئورۇنلارنىڭ يەر ئاستى سۇلىرىدىكى فتورنىڭ مىقدارى ئوخشىمىغاچقا، شۇنىڭدەك تېمپېراتۇرا، بېسىم ۋە باشقا خىمىيىۋى تەركىبلەردىمۇ پەرق بولغاچقا بۇ ئۇسۇل پەقەت ئوخشاش بىر رايوندا تېپىلغان تاشقا ئايلانغان نەرسىلەرنىڭ نىسپىي يىلىنى ئېنىقلاشتا قوللىنىلىدۇ.

تاش قورال

  • تاش قورال[يەشمىسى:]ئارخېئولوگىيىلىك ئاتالغۇ. مېتال تاۋلاش تېخنىكىسى بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي تاش پارچىلىرىنى پىششىقلاپ ياسىغان ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى. تاش قوراللارنى ئىشلەتكەن دەۋر تاش قوراللار دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. تاش قوراللارنى ياساش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تاش قوراللار دەۋرى يەنە قەدىمكى تاش قوراللار دەۋرى، ئوتتۇرا تاش قوراللار دەۋرى ۋە يېڭى تاش قوراللار دەۋرى قاتارلىق باسقۇچلارغا ۋە مەدەنىيەت تۈرلىرىگە ئايرىلىدۇ. تاش قوراللار برونزا قورال دەۋرىدىمۇ داۋاملىق ئىشلىتىلگەن. تۆمۈر قوراللار دەۋرىدىلا ئاندىن ئاساسىي جەھەتتىن تۆمۈر قوراللار تاش قوراللارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن.

تاش قورال دەۋرى

  • تاش قورال دەۋرى[يەشمىسى:]ئارخېئولوگىيە ئىلمىدە ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچى. ئەينى چاغدا ھەر خىل شەكىلدىكى تاش قوراللار ئاساسلىق ئەمگەك قورالى بولغان. ئىنسانىيەتنىڭ پۈتكۈل تارىخىدا، تاش قورال ئىشلىتىلگەن مەزگىل ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىدىن تارتىپ تاكى برونزا قورال دەۋرىنىڭ باشلىنىشىغا قەدەر، 2 — 3 مىليون يىلنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى بار تارىخىنىڭ %99 تىن ئارتۇق ۋاقىتنى ئىگىلەيدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىپتىدائىي جەمئىيەت دەۋرىگە مەنسۇپتۇر. ئوخشىمىغان تەرەققىيات باسقۇچلىرىغا ئاساسەن، يەنە كونا تاش قوراللار دەۋرى، ئوتتۇرا تاش قوراللار دەۋرى ۋە يېڭى تاش قوراللار دەۋرى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ.

تاش قوراللار بىلەن برونزا قوراللار بىرلىكتە ئىشلىتىلگەن دەۋر

  • تاش قوراللار بىلەن برونزا قوراللار بىرلىكتە ئىشلىتىلگەن دەۋر[يەشمىسى:]«قىزىل مىس قوراللار دەۋرى» گە قاراڭ.

تاشكەنت دۆلىتى

  • تاشكەنت دۆلىتى[يەشمىسى:]جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابلىرىدا «شاش شەھىرى» دەپمۇ خاتىرىلەنگەن. غەربنىڭ تارىخ كىتابلىرىدا شاش (Shash) دەپ ئاتالغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت، توققۇز جاۋۋۇپ دۆلەتلىرىدىن بىرى. مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن تۈركلەرگە بېقىندى بولغان. Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇڭگو تاڭ سۇلالىسى غەربىي تۈركلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ يەردە پەرغانە تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلغان. مىلادى 750-يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ سانغۇنى گاۋشەنجژ بۇ دۆلەتنىڭ پادىشاھىنى ئەسىر ئالغاندا تاشكەنت دۆلىتى ئەرەبلەردىن ياردەم سورىغان. ئىككىنچى يىلى ئەرەب قوشۇنى گاۋشەنجژنى تالاستا (Talas، بۈگۈنكى جامبۇل شەھىرى) قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. كېيىن، شاش دۆلىتى ئەرەب ئىمپېرىيىسىگە قارام بولغان.

تاش كېمىر ئىبادەتخانىسى

  • تاش كېمىر ئىبادەتخانىسى[يەشمىسى:]تاش كېمىر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دىنىي ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنىڭ بىر تۈرى. تاغ قىيالىرىغا قېزىپ ياسىلىدۇ. ھىندىستاندىن باشلانغان، كېيىنچە ئافغانىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا، جۇڭگو، چاۋشيەن قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ قېزىلغان. بۇددا دىنىدا ئەڭ كۆپ بولۇپ، براخمان دىنى ۋە جائىنا (Jaina) دىنىدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇددا دىنىدا تاش كېمىرلەر ئەڭ دەسلەپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرلەردە بارلىققا كەلگەن، ئىككى خىل شەكىلگە ئايرىشقا بولىدۇ. بىر خىلى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، بىخورا دەپ ئاتىلىدۇ، يەنى ئىبادەتخانا، راھىبلار ئۆيى دېگەن مەنىلەردە، ئوڭ-سول ھەمدە ئارقا تاملارغا كۆپرەك تەكچە قېزىلىدۇ، كېمىرلەر ئومۇمەن چاسا شەكىلدە بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا تۈۋرۈك قويۇلىدۇ، تورۇس تۈز بولۇپ، رەڭدار نەقىشلىنىدۇ. ئالدىدا كارىدور بولىدۇ، كېمىرنىڭ ئىچى ۋە ئالدى كارىدورى كېمىرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ماسلاشتۇرۇلىدۇ. تاشقىرىسىغا ئۈچ ئىشىك قويۇلىدۇ. يەنە بىر خىلى سەل كىچىكرەك بولۇپ، جىتى ياكى جىدى دەپ ئاتىلىدۇ، يەنى بۇتخانا، بۇددا خانىقاسى دېگەن مەنىلەردە. كېمىرنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىلىق تاراشلانغان مۇنار شەكىللىك تۈۋرۈك قويۇلىدۇ. كېمىر سۇپىسى ئات تۇيىقى شەكلىدە ياسىلىدۇ. كېمىرنىڭ ئىچىدە تۆت تامنى ئايلاندۇرۇپ نەقىشلىك تۈۋرۈك قويۇلۇپلا قالماي، يەنە ئىچكى ھۇجرا ۋە تاشقى ھۇجرا دەپ ئايرىلىدۇ. ئىچكى ھۇجرىنىڭ تورۇسى يۇمىلاق شەكىلدە (يەنى گۈمبەز تورۇسلۇق) بولىدۇ. بۇلار بۇددا دىنى تارىخى ۋە سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە.

تاش ئۆزەكتىن ياسالغان تاش قورال

  • تاش ئۆزەكتىن ياسالغان تاش قورال[يەشمىسى:]ئارخېئولوگىيىلىك ئاتالغۇ. تاش ماتېرىياللىرىدىن بىرمۇنچە تاش ياپراقچىلىرى ئۇرۇپ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن ئەسلىدىكى ھالىتىنى يوقىتىدۇ. ئۈستىدە تاش ياپراقچىلىرى ئاجرىتىلغان ئىزلار ساقلانغان بولىدۇ. بۇ خىلدىكى تاش ماتېرىيالى تاش ئۆزىكى دەپ ئاتىلىدۇ. تاش ئۆزىكىدىن پىششىقلاپ ياساپ چىقىلغان تاش سايمانلار تاش ئۆزەك قورال دېيىلىدۇ. مەسىلەن، پالتا، چېپىش-يانجىش قورالى قاتارلىقلار.

تاش ئۆڭكۈر شەرتنامىسى

  • تاش ئۆڭكۈر شەرتنامىسى[يەشمىسى:]«بياڭ-نا-باتو شەرتنامىسى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. فىلىپپىن بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئاگۇينالدو باشچىلىقىدىكى پومېشچىك-بۇرژۇئازىيە مۇتەئەسسىپلىرى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە تەسلىم بولغان شەرتنامە. 1897-يىلى 12-ئايدا تاش ئۆڭكۈردە (براگان ئۆلكىسىدىكىبياڭ-نا-باتودا) ئىمزالانغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، ئىسپانىيە ئاگۇينالدو گۇرۇھىغا 800 مىڭ پېسو بەرگەن، مەمۇرىي ۋە قانۇن چىقىرىش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشقا ماقۇل بولغان؛ ئاگوينالدو قوراللىق كۈرەشنى توختىتىشقا ھەمدە چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشكە ماقۇل بولغان. 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاگۇينالدو ھۆكۈمىتى ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەن. خەلقنى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشنى توختىتىشقا چاقىرغان. لېكىن كەڭ خەلق كۈرەشنى يەنىلا قەتئىي داۋاملاشتۇرغان.

تاغلىقلار

  • تاغلىقلار[يەشمىسى:]1) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە، ئوتتۇرا-ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان ئىنقىلابىي دېموكراتلار. مىللىي ئۇيۇشمىنىڭ يىغىنىدا مەيداننىڭ سول تەرىپىدىكى ئەڭ ئېگىز جايدا ئولتۇرغانلىقتىن مۇشۇنداق ئاتالغان. بۇنىڭ ۋەكىللىرىدىن روبېسپېررې (Robespirre)، مارات (Marat)، داندۇن قاتارلىقلار بار. ئەزالارنىڭ كۆپچىلىكى ياكۇبىن كۇلۇبىغا قاتناشقان. 1792-يىلى 10-ئايدا، ژىروندچىلار ياكۇبىن كۇلۇبىدىن بۆلۈنۈپ چىققاندىن كېيىن، تاغلىقلار ياكۇبىنچىلار بىلەن بىر مەنىدە بولۇپ قالغان. (2) فرانسىيىنىڭ 1848-يىلدىكى ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنت بىلەن قانۇن چىقارغۇچى پارلامېنت ئىچىدىكى ئۇششاق بۇرژۇئا دېموكراتىيىچىلەر ۋە ئۇششاق سوتسىياللار گۇرۇھى. ئۇنىڭ ۋەكىللىرى لىدرو-روللىن قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇلار ⅩⅧ ئەسىردىكى فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى تاغ گۇرۇھىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىمىز دەپ، ئۆزلىرىنى يېڭى تاغلىقلار دەپ ئاتىۋالغان. ئەمەلىيەتتە ئۇلار بۇرژۇئا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىدى.

تافت

  • تافت[يەشمىسى:]1) ۋىلليام خوۋارد تافت(William Howard Tatf ،1857—1930)، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1909 — 1912). جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن. يالۇ داشۆسى ۋە سىنسىنناتى قانۇن شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. ياش ۋاقتىدا ئادۋوكات، سوتچى بولغان. 1890-يىلى ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. 1890 — 1900-يىللاردا قوشما شتات سەييارە سوتچىسى ۋە سىنسىنناتى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1901 — 1904 -يىللاردا فىلىپپىن خەلق ئىشلىرى ئەمەلدارى بولغان. 1904 — 1908-يىللاردا قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. 1908-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ، «پېئىن-ئاۋدىلىچ يۇقىرى باج نىزامى» نى يولغا قويغان؛ سىرتقا قارىتا «دوللار دىپلوماتىيىسى» نى يۈرگۈزۈپ، پاناماغا تاجاۋۇز قىلىشنى كۈچەيتكەن، مونروئېزمنى چۈشەندۈرۈشنى كېڭەيتكەن.1912-يىلى سايلام رىقابىتىدە مەغلۇپ بولۇپ، يالۇ داشۆسىنىڭ قانۇنشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇرۇش ۋاقتى مېھنەتكەشلەر مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1921 — 1930-يىللاردا ئالىي سوتنىڭ باش سوتچىسى بولۇپ، زۇڭتۇڭنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى، «كلايتون قانۇنى» دىكى ئىشچىلارغا پايدىلىق ماددىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قوللىغان. «ئامېرىكا ۋە تىنچلىق»، «ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقى»دېگەن ئەسەرلىرى بار.(2)روبېرت ئالفونسوتافت(Robert Alphonso Taft،1889— 1953). ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى. ۋىلليام خوۋارد تافتنىڭ ئوغلى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن.1910-يىلى يالۇ داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خارۋارد داشۆسىدە قانۇننى تەتقىق قىلغان. سىنسىنناتىدا ئادۋوكات بولغان. 1921—1926-يىللىرى ئوخىئو شتاتىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان، 1931 — 1932-يىللاردا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1939 — 1953-يىللاردا پارلامېنت كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. كونسېرۋاتىپلار گۇرۇھىنىڭ داھىيسى بولۇپ، روزۋېلتقا ۋە «يېڭى سىياسەت» پروگراممىسىغا قارشى چىقىپ، قوشما شتات ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىشكە قارشى تۇرۇپ، تەنھاچىلىقنىڭ ۋەكىلىگە ئايلانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا قاتنىشىشقا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چاۋشيەن سىياسىتىگە قارشى تۇرغان ھەمدە جۇڭگونىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىنى ئىشغال قىلىۋېلىشقا قارشى چىققان. 1947-يىلى خارتلېي بىلەن بىرلىكتە «تافت-ھارتلېي قانۇنى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۈچ قېتىم جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. 50-يىللاردا كېڭەش پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر كۆپ سانلىق گۇرۇھىنىڭ داھىيسى، ئېيزىنخائۇئېر زۇڭتۇڭنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان.

تافىت-ھارتلېي قانۇنى

  • تافىت-ھارتلېي قانۇنى[يەشمىسى:]ئامېرىكىنىڭ ئىشچىلار بىلەن كاپىتالىستلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدىكى قانۇنى. 1947-يىل 6-ئاينىڭ 23-كۈنى پارلامېنت ماقۇللىغان. 8-ئاينىڭ 22-كۈنى يولغا قويۇلغان. كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى روبېرت ئالفون-سو تافت بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ھارتلېي (Fred A. Hartley، 1903 — ) ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. بۇ قانۇندا سوتنىڭ ئىشچىلارنىڭ 80 كۈن ئىش تاشلىشىنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى؛ ئىش تاشلاشتىن بۇرۇن چوقۇم 60 كۈنلۈك «سوۋۇتۇش مەزگىلى» بولۇشىنىڭ لازىملىقى، بۇ مەزگىلدە ھۆكۈمەتنىڭ تەكشۈرۈشىنى تىنچ كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقى؛ ئىشچىلارنىڭ «زاۋۇتنى قامال قىلىشى» مەنئى قىلىنىدىغانلىقى؛ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك ئوخشاش كەسىپتىكى ئىشچىلارغا ۋەكىللىك قىلىپ كاپىتال تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىشى مەنئى قىلىنىدىغانلىقى؛ پەقەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىرىنىلا ياللاپ ئىشلىتىشكە يول قويىدىغان كېلىشىملەرنى تۈزۈش مەنئى قىلىنىدىغانلىقى؛ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى مەنئى قىلىنىدىغانلىقى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ فوندىنى سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقى؛ كوممۇنىستلارنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا قوبۇل قىلىش مەنئى قىلىنىدىغانلىقى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ كوممۇنىست ئەمەسلىكى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلىشى لازىملىقى بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن يەنە پارلامېنت 1935-يىلى ماقۇللىغان«ۋاگنىر قانۇنى»(يەنى «دۆلەت بىلەن ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇنا-سىۋەت قانۇنى») دىكى ئىشچىلارنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئەركىن ئۇيۇشۇشى، كوللېكتىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى ۋە توختامنامىلەرنى ئىمزا-لىشىغا يول قويۇلغان ماددىلارنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان. بۇ قانۇننى تۈزۈشتىكى مەقسەت، ئىشچىلارنىڭ كۈچىنى بۆلۈۋېتىش، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەرىكىتىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى بوغۇشتىن ئىبارەت.

تاففې

  • تاففې[يەشمىسى:]Eduard Taaffe،1833— 1895) ئاۋسترىيە باش ۋەزىرى (1868 — 1870، 1879—1893).1867-،1870-، 1871-،1879-يىللىرى ئۈچ قېتىم ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. ئىككىنچى قېتىم باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىدە كۈنسايىن چوڭقۇرلىشىۋاتقان سىنىپىي زىددىيەت ۋە مىللىي زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن، پولشا، چېخوسلوۋاكىيىلەردىكى فېئودال كونسېرۋاتىپ كۈچلەر ۋە خوخېنۋارت گۇرۇھى فېئودال دىنىي ھوقۇق ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، ئاتالمىش «تۆمۈر چەمبەر» ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ، غەيرىي گېرمان كونسېرۋاتىپ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمەتتىكى ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئەركىن بۇرژۇئازىيىنى بېسىش ئارقىلىق ئىچكى سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. سىرتقا قارىتا ئىتتىپاق تۈزۈش سىياسىتىنى قوللانغان. 1879-يىلى گېرمانىيە بىلەن مۇداپىئە ئىتتىپاقى شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان. 1882-يىلى گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، ئىتالىيە ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقى شەرتنامىسىنى تۈزۈپ، فرانسىيە بىلەن روسىيىگە قارشى تۇرغان.1893-يىلى سايلام ھوقۇقىنى كېڭەيتىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى كونسېرۋاتىپ كۈچلەرنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقتىن، تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان. «تۆمۈر چەمبەر مەزگىلى» گە قاراڭ.

تافنا شەرتنامىسى

  • تافنا شەرتنامىسى[يەشمىسى:] فرانسىيە ئابدۇل قادىر بىلەن تۈزگەن تىنچلىق كېلىشىمى. 1837-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى تافنا (Tafna) دا ئىمزالانغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدا فرانسىيىلىكلەر بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ئەركىن سودا ئالاقىسى قىلىدىغانلىقى، ئۆزئارا قارشى تەرەپنىڭ زېمىنىدا ئولتۇراقلىشىشقا بولىدىغانلىقى؛ ئوران ئۆلكىسى بىلەن ئالجىر ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمى ئابدۇل قادىرغا قارايدىغانلىقى؛ فرانسىيە تەسىر دائىرىسىنىڭ ئالجىر شەھىرىدىن 30 كىلومېتر يىراقلىققىچە ۋە ئۇنىڭ «سىرتىدىكى» كىدرادا دەرياسى رايونىغىچە سوزۇلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

تاكۇر

  • تاكۇر[يەشمىسى:]Thākur). ھىندىستاندا قوللىنىلىدىغان ھۆرمەت نامى، مەنىسى «ئىلاھ، خۇدا» دېگەنلىك بولىدۇ. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئوخشاش ئەمەس، مەسىلەن: غەربىي قىسمىدا راجپۇت قەبىلە باشلىقلىرىنى ئاتىسا، دېككان رايونىدا كەنت باشلىقىنى ئاتاشقا ئىشلىتىدۇ.

تاكشاسلا

  • تاكشاسلا[يەشمىسى:]Takshasila)پاكىستاندىكى داڭلىق قەندىھار قەدىمكى شەھىرىنىڭ خارابىسى. ئورنى پاكىستاندىكى راۋالپىندى (Rawalpindi) نىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 35 كىلومېتر كېلىدىغان جايدا. جۇڭگولۇق راھىب فاشيەن بىلەن شۈەنزاڭ بۇ جايغا بارغان. ئەنگلىيە ئارخېئولوگى مارشالل بىلەن ئۇئىلېر ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1912 — 1934، 1944 — 1945-يىللىرى بۇ جاينى كەڭ كۆلەمدە قېزىپ تەكشۈرۈپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن مىلادى Ⅶ ئەسىرگىچە بولغان شەھەر خارابىلىرى ۋە نۇرغۇن بۇددا ئىبادەتخانا خارابىلىرىنى تاپقان. شەھەر خارابىلىرى تۆپىلىكنى بويلاپ شەرقتىن جەنۇبقىچە تۆت ئورۇنغا جايلاشقان. شەھەر ئەتراپلىرىدىمۇ نۇرغۇن بۇددا ئىبادەتخانا خارابىلىرى تېپىلغان. ئىبادەتخانىلار دەسلەپكى مەزگىلدە كۆپىنچە تۆپىلىكتىن شەھەر ئىچىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئېگىزلىككە جايلاشقان، كېيىن شەھەر ئىچىدىمۇ بارلىققا كەلگەن. تېپىلغان كۆپ مىقداردىكى ھەيكەل، تام رەسىملىرى، زىننەت بۇيۇملىرى ۋە كۈندىلىك قورال-سايمانلار قەندىھار بۇددا سەنئىتى ۋە يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

تاكېتا شىنگېن

  • تاكېتا شىنگېن[يەشمىسى:]1521 — 1573) ياپونىيىدىكى يېغىلىق دەۋرىدە ئۆتكەن فېئودال. كاي (ھازىرقى ياماخاشى ناھىيىسى) نىڭ ياساۋۇل بېگى نوبۇتورانىڭ ئوغلى. ئەركىلەتمە ئىسمى كاتسۇ سېندائى، ئىسمى خارۇنوبو، تەخەللۇسى شېنگېن. 1541-يىلى ئۆزىنىڭ دادىسىنى سۇراگا (ھازىرقى شىزوكا ناھىيىسى) گە قوغلىۋېتىپ ئۆز ئالدىغا ياشىغان. 1542-يىلدىن باشلاپ شىنانو (ھازىرقى گانانو ناھىيىسى) غا ئەسكەر چىقىرىپ، خاسۇۋا، ئوگاساۋارا، مۇراكامى قاتارلىق بەگلەرنى يوقىتىپ، شىنانونىڭ كۆپ قىسمىنى تىنچىتقان. 1558-يىلى شىنانونىڭ ياساۋۇل بېگى بولغان. 1553 — 1564-يىللىرى ئىچىدە ئۇئېسۇگى كېن شىن بىلەن شىنان-ونى تالىشىپ بەش قېتىم قاتتىق جەڭ قىلغان، كاۋاناكاجىما جېڭىدە تاكېتا غەلىبە قىلغان. 1570-يىلى سۇراگانى قوشۇۋېلىپ، چۇبۇدا چوڭ بەگلىكنى شەكىللەندۈرگەن. كامناشىگاۋا دەرياسىنىڭ بويىغا توغان ياساتقان (بۇ شىنگېن توغىنى دەپ ئاتالغان)، كوفۇ ئويمانلىقىنى ئاچتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن يېغىلىق دەۋرىدە دەريالارنى تىزگىنلەپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان، شۇنداقلا ئەينى زاماندا ئەڭ بۇرۇن ئالتۇن كانلىرىنى ئاچقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ «شىنگېن قانۇنى»، («كوشۇ قانۇنى») نى تۈزۈپ چىققان. 1572-يىلى توتومىدا توكۇگاۋا ئىيياسۇ ئودا نوبۇناگانىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، غەلىبە بىلەن سانخىغا كىرگەن، كۆپ ئۆتمەي كېسەل بولۇپ شىنانودىكى تاي مەيدانىدا ئۆلۈپ كەتكەن.

تاكېچى مىزۇياما

  • تاكېچى مىزۇياما[يەشمىسى:]1829 — 1865) ياپونىيە توكۇگاۋا شوگونلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى تېننونى ئىززەتلەپ ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش تەرەپدارلىرىدىن بولغان ئىرادىلىك كىشى. ئىسمى ئونوتاتې، تەخەللۇسى مىزۇتاكاشى، ئادەتتە خانپېئىتا دەپ ئاتىلىدۇ. قىلىچۋازلىققا، رەسىم سىزىشقا ئۇستا. 1856-يىلى ۋاسسالنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئېدو، مىتو، ساتسۇما، ناگاسۇ ۋاسساللىقىغا بېرىپ ۋاسسال زىيالىيلىرى بىلەن دوست بولۇپ، تېننونى ئىززەتلەپ ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1861-يىلى توسا مونارخىستلار گۇرۇھىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوردا بىلەن شوگنات بىرلەشمە كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇپ، تېننونى ئىززەتلەپ ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ساناگى ياسۇئومى، كۇساكا گېنمىزۇ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئەينى ۋاقىتتىكى شوگناتنى ئاغدۇرغۇچى ئاساسلىق شەخسلەردىن بولۇپ قالغان. 1863-يىلى 18-ئاۋغۇست سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. تۈرمىدە قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان. ئاخىر ۋاسسالنىڭ بۇيرۇقى بويىچە قورسىقىنى يېرىپ ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈۋالغان.

تاكېگوشى يوسابۇرۇ

  • تاكېگوشى يوسابۇرۇ[يەشمىسى:] (1865 —1950) ياپونىيە تارىخشۇناسى، سىياسىئونى. كېئىئو يىللىرىدا ھەقسىز مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. ئەسلىدە «ئېقىم مەسىلىلىرى يېڭى گېزىتى»، «خەلق ئاخباراتى» دا مۇخبىر بولغان. كېيىن «دۇنيادىكى ياپونىيە» ژۇرنىلىدا باش مۇھەررىر بولغان. 1898-يىلى سىياسىي ساھەگە قەدەم قويۇپ، ئاساسىي قانۇنلۇق مەسلەكداشلار ئۇيۇشمىسىغا تەۋە بولغان.1902-يىلدىن باشلاپ بەش قېتىم ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1922-يىلى ئوردا ئىشلىرى ۋازارىتى ۋاقىتلىق پادىشاھ سارىيى مىرزىلار ئىدارىسى مىرزا باشلىقى بولغان.1923-يىلى پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1940-يىلى مەركىزىي مەسلىھەتچىلەر باشلىقى بولغان. ئىنستىتۇت گۇرۇھىنىڭ تارىخ نۇقتىئىنەزەرىگە قارىمۇ قارشى بولغان. «يېڭى ياپونىيە تارىخى»، «2500 يىللىق تارى-خ»، «تەيۋەندىكى ھۆكۈمرانلىق تارىخى»، «ياپونىيە ئىقتىساد تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

تاكىينۇس سۇلالىسى

  • تاكىينۇس سۇلالىسى[يەشمىسى:] يەنى «تاركىينۇس».

تاگار مەدەنىيىتى

  • تاگار مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] سىبىرىيىنىڭ تۆمۈر قورال دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مەدەنىيىتى. ئەڭ ئاۋۋال سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىنۇسىنىسكى شەھىرىنىڭ يېنىدىكى تاگار (Тагар) ئارىلىدىن تېپىلغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. يېنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى، ئوتتۇرا ئېقىملىرىغا تارقالغان. قاراسۇك (قاراسۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ) مەدەنىيىتىدىن كېيىن بولۇپ، دەۋرى تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱئەسىرگىچە توغرا كېلىدۇ. سىبىرىيىدىن مىس ۋە قەلەي كۆپ چىققانلىقتىن، بۇ رايون ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا مەزگىل (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرگىچە) دىلا تۆمۈر قورال دەۋرىگە كىرگەن. ئولتۇراق جايلارنىڭ خارابىلىرى كۆپ تېپىلمىغان، تېپىلغان خارابە ئاساسەن قەبرىستانلىقتىن ئىبارەت. ئىقتىسادىي تۇرمۇشتا سۇغىرىلىدىغان دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان، ئايرىم رايونلاردا چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنغان. ماترىئارخال ئۇرۇقداشلىق جامائەسى باسقۇچىغا تەۋە بولۇپ، بايلار ۋە كەمبەغەللەرگە بۆلۈنۈش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. مەدەنىيەت قىياپىتى سىكتايلانىڭ مەدەنىيىتىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ھايۋانلارنىڭ شەكلى ئويۇلغان ھەر خىل مىس بېزەكلىرى بولغان.

تاگائوڭ دۆلىتى

  • تاگائوڭ دۆلىتى[يەشمىسى:]Tagaung) بېرمىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قەدىمكى دۆلەت. بەزىلەر مىلادىدىن ئىلگىرى 850-يىلى ھىندىستان كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان دېسە، يەنە بەزىلەر مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىردە تېتلار (Thet) تەرىپىدىن قۇرۇلغان دەيدۇ. تاگائۇڭ شەھىرى (ئىرراۋادى دەرياسى يۇقىرى ئېقىمىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان) پايتەخت قىلىنغان، زېمىنى جۇڭگونىڭ رىم بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىدىكى مۇھىم يولغا توغرا كېلىدۇ. ھىندى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. شىمالىي ھىندى يېزىقىنى قوللانغان. Ⅺ ئەسىردە پاگان خاندانلىقىغا قوشۇۋېلىنغان.

تاگورې

  • تاگورې[يەشمىسى:]1) دۋاركانات تاگورې(Dwarkanath Tagore، 1764 — 1846) ھىندىستانلىق مىللەتپەرۋەر. ھىندىستان كالكوتتا چائورا تېغىدىكى كوتاگورې قەبىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. تۇنجى ئەنگلىيىچە سودا شىركىتىنى تەسىس قىلغان، فېدېراتسىيە بانكىسى ئاچقان. 1833-يىلى رايدىن كېيىن براخمان جەمئىيىتىنىڭ رەھبىرى بولغان.1837-يىلى «يەر ئىگىلىرى جەمئىيىتى» نى تەشەببۇس قىلىپ قۇرغان، ئۇ بېنگالدىكى تۇنجى ئىجتىمائىي سىياسىي تەشكىلات ئىدى. 1842-يىلى ۋە 1845-يىلى ئىككى قېتىم ياۋروپانى زىيارەت قىلىپ شاھزادىلىك مەرتىۋىسىگە ئىگە بولغان. (2) دېبېندرانات تاگورې (Debendranath Tagore، 1817— 1905). ھىندىستان پەيلاسوپى. دىن ئىسلاھاتچىسى. دۋاركانات تاگورېنىڭ ئوغلى. سانسكرىت تىلى، پارس تىلى ۋە ئېنگلىز تىلىغا ئۇستا، غەرب پەلىسەپىسىگە پىششىق. ئەنگلىيە تەۋەلىكىدىكى ھىندىستان جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى كاتىپى بولغان. 1866-يىلى براخمان جەمئىيىتى پارچىلانغاندىن كېيىن، مۇتەئەسسىپلەرنىڭ «ھەقىقىي براخمان جەمئىيىتى» گە رەھبەرلىك قىلغان. ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلغان، ۋەتەن تىلىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەكىتلىگەن، ئىلىم-پەننى تەشەببۇس قىلغان، تۇل خوتۇنلارنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇش ئادىتىگە ۋە ھىندى دىنىنىڭ چاكىنا دىنىي مۇراسىملىرىغا زەربە بەرگەن. ياۋروپا مەدەنىيىتىگە چوقۇنۇشقا قارشى تۇرغان، لېكىن غەربنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى ھىندى دىنىنىڭ ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ «براخمان قانۇنى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (3) رابىندرانات تاگورې (Rabindranath Tagore، 1861 — 1941) ھىندىستان شائىرى، يازغۇچىسى ۋە جەمئىيەت ئەربابى. دېبېندرانات تاگورېنىڭ ئوغلى. كالكۇتتىدا تۇغۇلغان. كالكۇتتا داشۆسى ۋە لوندون داشۆسىدە ئوقۇغان. 17 يېشىدىن تارتىپ بېنگال يېزىقىدا شېئىر يازغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 80-ۋە90-يىللىرىدا بىرنەچچە شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ھىندىستان ئەدەبىيات سەھەسىدە ئىناۋىتى يۇقىرى. 1890-يىلدىن كېيىن يېزىغا كۆچۈپ بېرىپ دادىسىنىڭ قورۇقىنى باشقۇرغان. يېزا تۇرمۇشى بىلەن تونۇشقان، ئەمگەكچى خەلققە ھېسداشلىق قىلغان. بېنگال خەلقىنىڭ 1905-يىلىدىكى ئەنگلىيىگە قارشى ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىپ، نۇرغۇن ۋەتەنپەرۋەر شېئىرلىرىنى ئىجاد قىلغان.ئەدەبىي -ئىجتىمائىي ژۇرنال «خەزىنە» نى بەرپا قىلغان. 1919-يىلى ئامرىتسار پاجىئەسىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەقدىم قىلغان سېر ئۇنۋانىدىن ۋاز كەچكەن. تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان ۋە ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ كۈرىشىگە ھېسداشلىق قىلغان ۋە مەدەت بەرگەن. ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. تالانتلىق بولۇپ، ھاياتىدا نۇرغۇن ئەسەر ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ «كېلىنجالى»، «يېڭى ئاي توپلىمى» قاتارلىق 60 نەچچە شېئىرلار توپلىمى بار، شۇنداقلا «چۆككەن كېمە»، «گوللا» دېگەنگە ئوخشاش رومانلىرى، «قىزىل سۆگەت گۈل» دېگەنگە ئوخشاش سەھنە ئەسەرلىرى ۋە نۇرغۇن نەسرىي ئەسەرلىرى بار.1913-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئەسەرلىرىدە ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى پاش قىلغان، ئىرقچىلىق تۈزۈمىگە زەربە بەرگەن، دېھقانلارنىڭ پاجىئەلىك ھالىتىگە ھېسداشلىق قىلغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى پاك خىسلەتلىك بولۇپ، ئۆزىگە خاس مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە. ئۇ يەنە سۈرەت سىزىش، مۇزىكا ئىشلەشكىمۇ ئۇستا، 1911-يىلى ئىجاد قىلغان «خەلق ئىرادىسى» دېگەن ناخشىسى 1950-يىلى ھىندىستاننىڭ دۆلەت شېئىرى قىلىپ بېكىتىلگەن. ساندىنكتان خەلقئارا داشۆسىنى قۇرغان.

تاگۇچى ئۇكىچى

  • تاگۇچى ئۇكىچى[يەشمىسى:]1855 — 1905) ياپونىيىلىك ئىقتىسادشۇناس، تارىخشۇناس. ئىسمى تىسورۇ، لەقىمى دىڭشۈەن. 1872-يىلى ياپونىيە مالىيە ۋازارىتى تەرجىمە ئىدارىسىگە خىزمەتكە كىرگەن ھەمدە ئىقتىساد تارىخى ۋە مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1878-يىلى مالىيە ۋازارىتىدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئىككىنچى يىلى شىبۇساۋا ئېئىئىچنىڭ قوللىشى بىلەن «توكيۇ ئىقتىساد ژۇرنىلى» نى نەشىر قىلغان. 1894-يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1898-يىلى يېزا ئىگىلىك سودا-سانائەت ئىشلىرى ئالىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى بولغان. 1899-يىلى قانۇنشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى بولغان. ئۇنىڭ: «ئىمپېرىيىنىڭ مالىيەسى توغرىسىدا پىكىر»، «دۆلەت تارىخى قامۇسى»، «بۈيۈك ياپونىيە يەر ناملىرى قامۇسى»، «بۈيۈك ياپونىيە كىشى ئىسىم-فامىلىلىرى قامۇسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 8 توملۇق «دىڭشۈەن تاگۇچى ئۇكىچى ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

تاڭ جاۋتى ئىبادەتخانىسى

  • تاڭ جاۋتى ئىبادەتخانىسى[يەشمىسى:] ياپونىيىدىكى باش ئىبادەتخانا. مىلادى 759-يىلى (ياپونىيە تيەنپىڭ باۋزىنىڭ 3-يىلى) جۇڭگو تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياپونىيىگە ئۆتكەن راھىپ جيەنجېن ياساتقان. ئىبادەتخانىنىڭ ئورنى شاھزادە نىئىتابېنىڭ كونا تۇرالغۇسىدا ئىدى، ھازىرقى نارا شەھىرىدىكى ۋۇتياۋدىڭدە دەسلەپ تاڭ جاۋتى دەپ ئاتالغان، كېيىن ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. ئالتۇن راۋاق ئاساس قىلىنغان، ۋەز-نەسىھەت راۋىقى، قوڭغۇراق راۋىقى، كىتاب ئامبىرى، بايلىق ئامبىرى قاتارلىقلار بار. ئىبادەتخانىدا ھازىرغىچە جيەنجېننىڭ ھەيكىلى، «شەرققە قىلىنغان سەپەر خاتىرىسى» ساقلانماقتا، بۇ جۇڭگو-ياپونىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخىدىكى مۇھىم يادىكارلىق ھېسابلىنىدۇ.

تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر

  • تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر[يەشمىسى:] مىلادى Ⅶ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە ياپونىيە خان ئوردىسى جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتكەن دىپلوماتىك ئەلچىلەر. ئاساسىي مەقسەت تاڭ سۇلالىسىنىڭ تۈزۈملىرى ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت بولغان. 630-يىلى (ياپونىيە شۇمىڭ تېننۇنىڭ 2-يىلى، تاڭ سۇلالىسى جېنگۇەننىڭ 4-يىلى) دىن باشلاپ تاكى 894-يىلى (ياپونىيە كۇەنپىڭنىڭ 6-يىلى، تاڭ سۇلالىسى گەننىڭنىڭ 1-يىلى) غىچە بولغان 264 يىل ئىچىدە، تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلىدىغان ئەلچىلەر جەمئىي 19 قېتىم تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پەقەت 13 قېتىملىق ئەلچىلەر جۇڭگوغا يېتىپ بارالىغان. ئومۇمىي ئادەم سانى باش ئەلچى، كۆزەتكۈچى ئەلچى، مۇئاۋىن ئەلچى، دادخاھ، كاتىپ، ئوقۇشقا بارغان ئوقۇغۇچىلار، ئۆگىنىشكە بارغان راھىبلار، ماتروسلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بەش، ئالتە-يۈز ئادەمگە يەتكەن. جۇڭگوغا بارىدىغان دېڭىز يولى شىمالىي يول ۋە جەنۇبىي يولغا بۆلۈنگەن. شىمالىي يول چاۋشيەننىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ شىمالغا بېرىپ، بوخەي دېڭىزىنىڭ ئېغىزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ سەندۇڭغا كەلگەن. Ⅷ ئەسىرگە كەلگەندە سىللا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت يامانلاشقانلىقتىن، جەنۇبىي يولدا مېڭىشقا ئۆزگەرتكەن، يەنى نىزېن ئارىلى (ھازىر ناگاساكى ناھىيىسىگە تەۋە)دىن دېڭىز ئارقىلىق چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېغىزىغا كېلىپ، ياڭجۇغا بارغان، بەزىلەر يەنىمۇ جەنۇبقا بېرىپ مىڭجۇ (ھازىرقى نىڭبو شەھىرى) غا كەلگەن. تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر، ئوقۇغۇچىلار ۋە راھىبلار ياپونىيىگە قايتقان چېغىدا، تاڭ سۇلالىسىگە دائىر بىلىملەر ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئېلىپ بېرىپ، ياپونىيىدە دۆلەت تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش، يېزا ئىگىلىك-سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بۇددا دىنىنى تارقىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور تەسىر كۆرسەتكەن.

تالانتون

  • تالانتون[يەشمىسى:]Talanton ياكىTalentum) قەدىمكى ئۆلچەم سىستېمىسىدىكى بىر خىل ئېغىرلىق بىرلىكى ۋە پۇل بىرلىكى. جايلارنىڭ ئۆلچىمى بىردەك بولمىغان. قەدىمكى بابىلونىيە ئۆلچەم سىستېمىسى بويىچە 180 شېئۇم (بىرشېئۇم = تەخمىنەن 05.0گرام) بىرشىكىلگە (تەخمىنەن 4.8 گرام)، 60 شىكىل بىرمىناغا، 60 مىنا بىر تالانتون (تەخمىنەن24.30 كىلوگرام) غا تەڭ بولغان. قەدىمكى يۇناننىڭ ئېگىنا (Eghina) ۋە ئاتتىكا (Attica) ئۆلچەم سىستېمىسى بويىچە 6 ئوبۇل بىر دراخماغا، 100 دراخما بىر مىناغا، 60 مىنا بىر تالانت-ونغا (ئېگىنادا بىر تالانتون 8.37 كىلوگرام؛ ئاتتىكادا 86.36 كىلوگرامغا) تەڭ بولغان. ماكېدونىيە پادىشاھلىقىدا (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى) بىرتالانتون تەخمىنەن 25 كىلوگرام (ئاق كۈمۈشكە) تەڭ بولغان.

تاللېيراند

  • تاللېيراند[يەشمىسى:]Charles Maurice de Talleyrand -Dèrigord،1754—1838).فرانسىيىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1797 —1807، 1814 — 1815). يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تېنولوگىيە شۆيۈەنىدە ئوقۇغان، 1788-يىلى ئائۇدوننىڭ ئېپىسكوپلۇقىغا كۆتۈرۈلگەن. شۇ يىلى 5-ئايدا راھىبلار ۋەكىلى سۈپىتىدە ئۈچ تەبىقە يىغىنىغا قاتناشقان. 10ئايدا راھىبلارنىڭ چېركاۋ مال-مۈلكىدىن ۋاز كېچىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ«سىبئونېر پۇقرالار تەشكىلىي قانۇنى» نى ھىمايە قىلغان تۆت ئېپىسكوپنىڭ بىرى.1972-يىلى فرانسىيىنىڭ ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشقان. 10-ئاۋغۇست قوزغىلىڭىدىن كېيىن ئامېرىكىغا قېچىپ كېتىپ، 1796-يىلى 9-ئايدا دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن. 1797-يىلىدىن باشلاپ تەپتىش ھۆكۈمىتى، كونسۇل ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنستىرى، بىرىنچى ئىمپېرىيە ۋە تىرىلگەن سۇلالىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە «لۇنېۋىللې سۈلھ شەرتنامىسى» (1801) ۋە «ئامېنىس سۈلھ شەرتنامىسى» (1802) نىڭ سۆھبىتىگە قاتناشقان. 1804-يىلى ئىمپېراتور ناپولېئوننىڭ نۆكەر باشلىقى بولغان. ناپولېئون تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولۇپ، بوربون سۇلالىسىنىڭ تىرىلىشىنى قوللىغان. ۋېنا يىغىنىغا قاتنىشىپ، فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، فرانسىيىنىڭ ئورنىنى ياخشىلىغان. 1815-يىلى 7-ئايدا مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ، ئۇزاق ئۆتمەي ئىستېپا بەرگەن. 1830-يىلى ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولۇپ، 1834-يىلى ئىستېپا بەرگەن. «ئەسلىمە»، «ناپولېئونغا يېزىلىپ ئېلان قىلىنمىغان خەتلەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار .

تاللىئېن

  • تاللىئېن[يەشمىسى:] Lambert nJean Tallie، 1767 — 1820). فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى تومۇز ئاي پارتىيىسىنىڭ ئاساسىي داھىيلىرىدىن بىرى. نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. دۇكان خىزمەتچىسى، خىزمەتچى بولغان. كېيىن 1789-يىلى ئىنقىلابقا قاتناشقان. 1792-يىلى 10-ئاۋغۇست قوزغىلىڭىدىن كېيىن، پارىژ كوممۇنىسىنىڭ كاتىپ ئەمەلدارى بولغان ۋە 9-ئايدىكى ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاشقا قاتناشقان، مىللىي ئۇيۇشمىغا سايلانغان. شۇ ئايدا مىللىي ئۇيۇشمىنىڭ ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن خادىمى سۈپىتىدە بوردېئائۇكس قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قىرغىن قىلغانلىقى ۋە كۆپلىگەن مال-مۈلۈكلەرنى يۇتۇۋالغانلىقى ئۈچۈن چاقىرتىۋېلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن روبىسپېرر بىلەن مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ، تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىنىڭ ئاساسىي پىلانلىغۇچىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ياكوبىن كۇلۇبىنى پېچەتلەپ، ئىنقىلابىي سوتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، 1795-يىلى 5-ئايدىكى تاغلىقلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. تەپتىش ھۆكۈمىتى دەۋرىدە بەش يۈز كىشىلىك كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، مىسىرغا يۈرۈش قىلىشقا قاتناشقان. بىرىنچى ئىمپېرىيە دەۋرىدىن باشلاپ، سىياسىي پائالىيەتلەرگە قايتا قاتناشمىغان.

تالېس

  • تالېس[يەشمىسى:]Thales، مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 624 — 546) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. يۇناندا ئۆتكەن «يەتتە دانىشمەن» نىڭ بىرى. كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئىئونىيە شەھىرىنىڭ مىلېتوس (Miletus) دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان ھەمدە ئىئونىيە پەيلاسوپى ياكى مىلېتوس ئىلمىي ئېقىمىنىڭ ئاساسچىسى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئىش ئىزلىرى ئېنىق ئەمەس، شۇنداقلا تارالغان ھېچقانداق ئەسىرىمۇ يوق. مىسىرنى ساياھەت قىلغان، مېسوپوتامىيە ۋادىسىغا بارغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ماتېماتىكىنى، ئاسترونومىيىنى تەتقىق قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ليودىيە پادىشاھى ئالياتتېس (Alyattes، مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن ؟ — 560) تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە مىلادىدىن 585 يىل ئىلگىرى 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى كۈن تۇتۇلۇشتىن بېشارەت بەرگەن. مىسىردىكى چېغىدا، نىل دەرياسىدىكى تاشقىننىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرگەن ھەمدە ئېھرامنىڭ كۆلەڭگۈسىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچىمەكچى بولغان. ئارىستوتېلنىڭ «پولىتېكا» دېگەن كىتابىدا ئېيتىلغان بىر ھېكايىگە ئاساسەن، ئۇ ئاسمان جىسىملىرى بىلىمىگە پىششىق بولغانلىقتىن، كېلەر يىلى مايلىق زەيتۇن دەرىخىدىن مول ھوسۇل ئېلىنىدۇ، دەپ ئالدىن مۆلچەرلىگەن؛ ياغ تارتىش ئۈسكۈنىلىرىنى بىرقەدەر تۆۋەن باھادا ئىجارىگە ئېلىپ، نۇرغۇن پايدا ئالغان. تالېس ساددا ماتېرىيالىست بولۇپ، پۈتۈن كائىنات سۇدىن پەيدا بولغان، ئاخىر يەنە سۇغا قايتىدۇ، دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ «سۇ ھەممىدىن ياخشى» دېگەن مەشھۇر ھېكمەتلىك سۆزى بار، لېكىن ئۇنى چۈشەندۈرمىگەن. ئۇ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۆزىگە ماددىي تۈس كىرگۈزمەكچى بولغان، ئەمەلىيەتتە بۇ شۇ چاغدا تارالغان دىنىي ئىلاھىيەتچىلىكنى ئىنكار قىلغانلىق بولاتتى. پەلسەپە بىلەنئىلىم-پەن بىر گەۋدە بولغان دەۋردە، ئۇ قەدىمكى يۇنان تەبىئەت پەلسەپىسى ئېقىمىنىڭ ياراتقۇچىسى دەپ قارالغان.

تاماكا تىجارەت ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى

  • تاماكا تىجارەت ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى[يەشمىسى:]ئىران خەلق ئاممىسىنىڭ 1891-يىلقى تاماكا تىجارەت ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى. 1890-يىلى ئەنگلىيىنىڭ تالبوت شىركىتى ئىران پادىشاھىدىن تاماكا تىجارىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ، ئىراننىڭ تاماكا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش ۋە سېتىش ئىشلىرىنى مونوپول قىلىۋېلىپ، ئىران خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزگەن. 1891-يىلى تەبرىز، ئىسفاھان، شىراز قاتارلىق شەھەرلەردە ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قارشى ئاممىۋى يىغىن ۋە نامايىشلار ئۆتكۈزۈلۈپ، پادىشاھ ھۆكۈمىتىنى ۋەتەن ساتقۇچ ھۆكۈمەت دەپ ئەيىبلەپ، چەت ئەل مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. ئىراندىكى ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئابرويلۇق ئىمامىمۇ ئۆتۈنۈپ بەرگەن ھوقۇقنى قايتۇرۇۋېلىشتىن ئىلگىرى تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش ھەققىدە دىنىي پەرمان چۈشۈرگەن. ئىران پادىشاھى خەلق ھەرىكىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، يىل ئاخىرىدا ئۆتۈنۈپ بەرگەن ھوقۇقنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان، كۈرەش غەلىبىلىك ئاياغلاشقان.

تامبراللىنگا

  • تامبراللىنگا[يەشمىسى:]Tāmbralinga) مالايادىكى قەدىمكى دۆلەت. مالاي-ا يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى لىگور (Ligor) دېگەن جايغا جايلاشقان. 1001-يىلى (سۇڭ سۇلالىسى شيەنپىڭنىڭ 4-يىلى) ۋە 1196-يىلى (سۇڭ سۇلالىسى چىڭچۇەننىڭ 2-يىلى) جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. كېخىمىر ۋە سرىۋىجاياغا بېقىندى بولغان. 1230-يىلدىكى تاش ئابىدىگە ئاساسلانغاندا تامبرالىنگا شۇ چاغدىلا مۇستەقىل بولغان، چاندىرا بانۇ ئىسىملىك ئادەم پادىشاھ بولغان. كېداھ (Kedah) رايونىمۇ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان، شۇنىڭدەك ئىككى قېتىم سىرىلانكىغا ھۇجۇم قىلغان. ⅩⅣ ئەسىرگە كەلگەندە دۆلەت زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ، ئاخىرى سىيام (بۈگۈنكى تايلاند) غا قوشۇلۇپ كەتكەن.

تام رەسىملىرى سىزىلغان دېشىڭلى قەبرىسى

  • تام رەسىملىرى سىزىلغان دېشىڭلى قەبرىسى[يەشمىسى:]چاۋشيەننىڭ كوگورۇيۇ دەۋرىدىكى تام رەسىملىرى سىزىلغان قەبرە. ئۇ چاۋشيەن پىڭئەنداۋ ئۆلكىسىدىكى دائەن شەھىرىدىكى دېشىڭلى دېگەن يەرگە جايلاشقان. 1976-يىلى قېزىلغان. قەبرە يولى ئالدىنقى لەھەت ۋە ئىچكى لەھەت دەپ ئايرىلغان. قەبرە ئىگىسى كوگورۇيۇ شىندۇ ناھىيىسىدىن بولغان «جىن» ئىسىملىك ئادەم بولۇپ، ئۇ يوجۇ ئايمىقىنىڭ بېگى بولغان. ئالدىنقى لەھەتنىڭ شىمالىي تېمىنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە ئىچكى لەھەتكە بارىدىغان يولنىڭ ئۈستىدە كوگورۇيۇ يوڭلېنىڭ 18-يىلى (408-يىلى) «جىن» توغرىسىدىكى 14 قۇر، 150 خەتلىك بېغىشلىما يېزىلغان. لەھەت يولىنىڭ ئېغىزىدىن تارتىپ پۈتۈن قەبرىنىڭ تاملىرىغا رەسىم سىزىلغان. قەبرە ئىگىسىنىڭ يوجۇ ئايمىقىنىڭ بېگى بولغان چېغىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىدىن باشقا، قەبرىنىڭ تورۇسىغا ئاي، كۈن، يۇلتۇز ۋە سامانيولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمىچى قىز سىزىلغان. لەھەتنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تام رەسىملىرى كوگوريۇغا خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، كوگوري-ۇ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تامغىشۇناسلىق

  • تامغىشۇناسلىق[يەشمىسى:] ئارخېئولوگىيىنىڭ بىر تارمىقى. قەدىمكى دەۋرلەردىكى تامغىلارنىڭ فۇنكسىيىسى، نۇسخىسى، يېزىقى، ئىشلىتىلىش رەسمىيىتى ۋە تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان. تامغىشۇناسلىق تامغا ئويۇش سەنئىتىنى تەتقىق قىلغاندىن باشقا، يەنە ئۇنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى كاتىپلىق تۈزۈمى، ئەمەلدارلىق تۈزۈمى ۋە يەر ناملىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىشتا ھەمدە قەدىمكى ھۈججەتلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشتىمۇ ياردىمى بار. نۆۋەتتە بايقالغان ئەڭ بالدۇرقى تامغا مىلادىدىن 4300 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىن مىلادىدىن 3500 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئۇبەيد مەدەنىيىتى دەۋرىگە مەنسۇپ بولۇپ، تېپىلغان تامغىلار كۆك سېغىز، ھېقىقلاردىن ياسالغان، يۇمىلاق ۋە سىلىندىر شەكىللىك بولۇپ، گېئومېترىيىلىك سىزىقچىلار ياكى ھايۋانلار شەكلىنى بىلدۈرىدىغان سىزىقچىلار ئويۇلغان.

تامكار

  • تامكار[يەشمىسى:]Tamkar). قەدىمكى زاماندا مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى پادىشاھلىق سودىگەرلەرنىڭ ئاتىلىشى. ئۇلار خان جەمەتى ۋە ئىبادەتخانىلارنىڭ سودا گۇماشتىلىرىدىن ئىبارەت ياكى تاشقى سودىنى ۋەكالىتەن ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا جازانىخورلۇق ۋە يەر، قۇل سودىسى بىلەن مۇستەقىل شۇغۇللانغان. ئۇلارغا قاراشلىق ئۇششاق سودىگەرلەر سامارۇ (Samaru، پارچە ساتقۇچى سودىگەر) دەپ ئاتالغان. قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقىنىڭ «ھاممۇرابى قانۇنى» دا تامكارلارنىڭ يېتەرلىك ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچكە ئىگە تەبىقە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

تام مەش يېنىدىكى سۆھبەت

  • تام مەش يېنىدىكى سۆھبەت[يەشمىسى:]ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلتنىڭ بىرقانچە قېتىملىق رادىئو نۇتقى. 1940-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكا تېخىچە ئۇرۇشقا قاتناشمىغان روزۋېلت ئاق سارايدىكى ئۆيدىكى تام مەشنىڭ يېنىدا ئادەتتىكىدەك تەلەپپۇزدا پۈتۈن مەملىكەتكە بىرقانچە قېتىم رادىئو نۇتقى ئېلان قىلغان. نۇتۇقتا ئامېرىكىنىڭ «دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بۈيۈك ھەربىي زاۋۇتى» بولۇشنى خالايدىغانلىقى، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زور مىقداردا ھەربىي قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەپ، شۇ ئارقىلىق ھەم ئەنگلىيە، فرانسىيىنىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ھەم ئامېرىكا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئامېرىكا خەلقىگە ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى قوللىشى كېرەكلىكى مۇراجىئەت قىلىنغان. كېيىن ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر بۇنى «تام مەش يېنىدىكى سۆھبەت» دەپ ئاتىغان.

تامۇگادى

  • تامۇگادى[يەشمىسى:]Thamugadi ياكى Thamugadis) شىمالىي ئافرىقىنىڭ قەدىمكى پايتەختىنىڭ خارابىسى. ئالجىرىيىنىڭ كونستانتىن ئوبلاستىدا. ھازىرقى نامى تىمگاد (Timgad). قەدىمكى رىم ئىمپېراتورى ئاۋگۇستنىڭ ئۈچىنچى جۈنتۇەنى ئىزچىل ھالدا نۇمىدىيىنىڭ لەمپىس شەھىرىدە تۇرغان. مىلادى 100-يىلى قەدىمكى رىمنىڭ ئىمپېراتورى تراجانۇس بۇ جۈنتۇەننىڭ ھەربىي سەپتىن بوشانغان ھەربىيلىرى ئۈچۈن، بۇ شەھەرنى ياساتقان. Ⅶ ئەسىردە ۋەيران قىلىنغان.1880-يىلى قېزىش ئارقىلىق خارابىنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكى بىلىنىپ، «ئافرىقىنىڭ پومپېئى شەھىرى» دەپ ئاتالغان. شەھەرنىڭ كۆلىمى 325×355 مېتر، سەل تۆت چاسا شەكىلدە بولۇپ، كوچىلىرى رەتلىك، مەركىزىدە ئاممىۋى مەيدانى، رەستىسىدە بازار ۋە تىياتىرخانا بار، ئىبادەتخانا ۋە مۇنچىسى شەھەر سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. رىمچە شەھەر قۇرۇلۇشىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيىتى بار.

تانابې

  • تانابې[يەشمىسى:]ياپونىيىدە تايكا يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىدىن ئىلگىرىكى تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلاتى. دۆلەتنىڭ ئاشلىق ئامبارلىرى، دۆلەت دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، دىنىي تەشكىلاتلارغا قاراشلىق ئېتىزلار ۋە ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا مۆھۈرلەپ بېرىلگەن يەرلەر ئاۋام يەرلىرى؛ خانلىق يەرلەر ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يەرلىرى خۇسۇسىي يەرلەر دېيىلگەن. يۇ يەرلەرگە تەۋە ئىشلەمچىلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى شۇ يەرلىك ئاھالە ۋە قۇل-چاكارلار، شۇنىڭدەك ياقا يۇرتلاردىن كەلگەن كۆچمەنلەر بولغان. ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس قالغان بولۇپ، قۇللار ۋە قۇل دېھقانلار بولغان.569-يىلى (كىنېي تېننونىڭ 30-يىلى) شېرايفۇمى بۇيرۇق بويىچە كىبىشىرايغا قاراشلىق يەرلەردە ئىشلەمچىلەرنى تىزىملاش ئىشىنى ئېلىپ بارغان. بۇ ياپونىيىدە ئاھالىنى تىزىملاشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تاي-كا يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى دەۋرىدە ئىشلەمچىلەر پۇقرالارغا ئۆزگەرتىلگەن.

تاناكاگېئېچى

  • تاناكاگېئېچى[يەشمىسى:] (1863 — 1929) ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1927 —1929)، قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى. ناگاسۇ ۋاسساللىقىدىكى سامۇراي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1892-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىدا مانجۇرىيە ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1911-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتى ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، 1915-يىلى باش شىتابنىڭ ئورۇنباسار باشلىقى بولغان. 1917-يىلى 5-ئايدىن 1918-يىلى 6-ئايغىچە جۇڭگوغا كېلىپ سۇيىقەستلىك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، 1918 — 1921-يىللىرى ھارا تاكاشى ئىچكى كابېنىتنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغاندا سىبىرىيىگە ئەسكەر چىقارغان. 1923 —1924-يىللىرى ياما موتۇگونبېئې ئىچكى كابىنېتنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. ياماگاتا ئارىتومو ئۆلگەندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ناگاسۇ مىلىتارىستلىرى سىستېمىسىنىڭ كاتتىبېشى بولۇپ قالغان. 1925-يىلى ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي دوستلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1927-يىلى 4-ئايدا باش ۋەزىر، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى، مۇستەملىكە ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. 5-ئايدا جۇڭگونىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئەسكەر چىقارغان. 6-ئايدا شەرق يىغىنى چاقىرىپ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشنىڭ ئومۇمىي سىياسىتىنى بەلگىلىگەن. 1928 — ۋە 1929-يىللىرى «15-مارت»، «16-ئاپرېل» ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىپ، كومپارتىيىنى ۋە ئىشچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرغان. 1928-يىلى 6-ئايدا جاڭ زولىن ياپونىيە كانتون ئارمىيىسى تەرىپىدىن پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، كېيىنكى يىلى 7-ئايدا مۇشۇ سەۋەبتىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن.

تاناكا مەلۇماتنامىسى

  • تاناكا مەلۇماتنامىسى[يەشمىسى:]1927-يىل 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە ياپونىيە تاناكاگىئىچى ھۆكۈمىتى توكيودا «شەرق يىغىنى» ئېچىپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشنىڭ باش فاڭجېنىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتكەن. جۇڭگونىڭ شۇ چاغدا ئىگە بولغان بىر ھۈججىتىگە ئاساسلانغاندا، تاناكا «شەرق يىغىنى» نىڭ قارارىغا بىنائەن بىر پارچە مەخپىي مەلۇماتنامە تەييارلاپ تېننوغا سۇنغان. ئۇنىڭدا «جۇڭگونى بويسۇندۇرماقچى ئىكەنمىز، ئالدى بىلەن مانجۇرىيە، ئىچكى موڭغۇلىيىنى بويسۇندۇرۇشىمىز لازىم؛ دۇنيانى بويسۇندۇرماقچى ئىكەنمىز، ئالدى بىلەن جۇڭگونى بويسۇندۇرۇشىمىز لازىم» دېيىلگەن، كېيىنكى چاغلاردا ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتى ئاشۇ ھۈججەتنىڭ مەزمۇنىغا پۈتۈنلەي ماس كەلگەن، لېكىن تاناكا مەلۇماتنامىسىنىڭ ئەسلى ئورىگىنالى زادىلا تېپىلمىغان، مەلۇماتنامىنىڭ راست-يالغانلىقى مەسىلىسى ئۈستىدە تا ھازىرغىچە دە-تالاش بولماقتا.

تانتال

  • تانتال[يەشمىسى:]Tantalus ياكى Tantalos ) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى سىپىيلا ( Sipylus ، كىچىك ئاسىيادىكى لىدىيە چېگرىسى ئىچىدە) تاغلىق دۆلىتىنىڭ پادىشاھى. باش خۇدا زېۋىسنىڭ ئوغلى. بايلىقى ھەددى-ھېسابسىز، ھاكاۋۇر ۋە ئابرويپەرەس ئىكەن. ئۇ تەڭرىلەرنىڭ ھەممە ئىشلارنى بىلىدىغان ياكى بىلمەيدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، ئوغلى فېلوپ (Pelops) نى ئۆلتۈرۈپ تەڭرىلەرگە زىياپەت بېرىپتۇ. تەڭرىلەر غەزەپلىنىپ، ئۇنى جازالاش نىيىتىگە كەپتۇ. ئۇنى چوڭقۇرلۇقى كۆكرىكىگىچە كېلىدىغان كۆل ئىچىگە بەند قىلىپ قويۇپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدىكى (ياكى بېشى تەرىپىدە) دەرەختە غۇجمەك-غۇجمەك مېۋىلەر ساڭگىلاپ تۇرىدىكەن، لېكىن ئۇ ئۇسساپ چاڭقاپ كەتكەندىمۇ سۇ ئىچەلمەيدىكەن، ئېچىرقاپ كەتكەندىمۇ مېۋە يېيەلمەيدىكەن؛ ئېڭىشىپ سۇ ئىچەي دېسە سۇ دەرھال پەسلەپ كېتىدىكەن، مېۋىلەرگە قولىنى ئۇزارتسا شاخلار ئېگىزلەپ كېتىدىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ بېشى ئۈستىگە يوغان بىر تاش ساڭگىلىتىپ قويۇلغان بولۇپ، ھەر دائىم ۋەھىمە ئىچىدە تۇرىدىكەن.

تانتىيا توپى

  • تانتىيا توپى[يەشمىسى:]Tantia Topi، تەخمىنەن 1819 — 1859)، 1857-يىلىدىكى ھىندىستان مىللىي چوڭ قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى. مالاتادىكى براخمان ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، كېيىن نانا ساھىبىنىڭ ئائىلە باش باشقۇرغۇچىسى بولغان. چوڭ قوزغىلاڭ پارتلىغاندىن كېيىن، كانپۇردىكى ئارمىيە-خەلق قوزغىلىڭىغا قوماندانلىق قىلغان، باتۇر — جەڭگە ماھىرلىقى بىلەن داڭق چىقارغان. 1858-يىلى گۋالىئور قوزغىلاڭچى قوشۇنىدىكى 20 مىڭ ئادەمنى باشلاپ، ئوتتۇرا ھىندىستانغا يۆتكىلىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنى كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ قىلغان ھەمدە بىر مەھەل نابادا دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، جەنۇبىي ھىندىستانغا كىرگەن. ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى قاتتىق قامال قىلغانلىقى ۋە نۇرغۇن ئەسكەر بىلەن قوغلاپ زەربە بەرگەنلىكتىن، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى پىتىراپ كەتكەن. كېيىن خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.1859-يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنى باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

تانزىمات

  • تانزىمات[يەشمىسى:] تۈركچە Tanzimat نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. مەنىسى يېڭىلاش ياكى ئىسلاھ قىلىش، دېگەن سۆز. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمران گۇرۇھى ئىچىدىكى ئىسلاھاتچىلار ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يولغا قويغان يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتا ئېلىپ بارغان بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەربابى مۇستاپا راشىد پاشا (Mustafa Rashid Pasha، 1799-ياكى 1802 — 1858). ئىسلاھات ھەرىكىتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 31 يىل (1839 — 1870) داۋام قىلغان. بۇ مەزگىلدە، ئاساسەن سۇلتان جاكارلىغان ئىككى يارلىققا، يەنى 1839-يىلىدىكى «خان بېغى يارلىقى» ۋە 1856-يىلدىكى يارلىققا ئاساسەن، بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان. ئۇ تۈركىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ قىسمەن تەلەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئەدلىيە، مەدەنىيەت-مائارىپ ۋە تاشقى ئىشلار جەھەتلىرىدە مەلۇم نەتىجىگە ئىگە بولغان، ئىمپېرىيىگە يېڭى تۈس كىرگۈزگەن، لېكىن فېئوداللىق ئىقتىسادىي بازىسقا چېقىلالمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئاخىر مەغلۇپ بولغان.

تانسىتۇس

  • تانسىتۇس[يەشمىسى:]Publius Cornelius Tacitus، تەخمىنەن 55 — 120) قەدىمكى رىملىق تارىخشۇناس، سىياسىئون، ئەدىب. كونا ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئادۋوكات بولغان، كېيىن بوغالتىرىيە ئەمەلدارى، ئەدلىيە ئەمەلدارى، ئۆلكە باش ۋالىيسى، كونسۇل، ئاسىيا ئۆلكىسىنىڭ باش ۋالىيسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. جۇمھۇرىيەتكە مايىل بولۇپ، ئىمپېرىيە تۈزۈمىگە قارشى تۇرغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن «يىللار خاتىرىسى» دا مىلادى 14 — 68-يىللاردىكى تارىخىي ئىشلار خاتىرىلەنگەن؛ «تارىخ» تا 69 — 96-يىللاردىكى تارىخىي ئىشلار يېزىلغان؛ «ئاگرىكولانىڭ تەرجىمىھالى» دا قېيىن ئاتىسى ئاگرىكولا (Julius Agricola) نىڭ برىتانىيىدە ۋەزىپە ئۆتەش ئەھۋالى يېزىلغان؛ «گېرمانىيە تەزكىرىسى» دە گېرمانلارن-ى-ڭ تارقىلىشى، ئۆرپ-ئادىتى، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمى بايان قىلىنغان؛ «ناتىقلارنىڭ دىئالوگى» دا ناتىقلىق سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە چۈشكۈنلىشىشى سۆزلەنگەن. سۆز-ئىبارىلىرى ئېغىر ۋە ئىخچام، ماتېرىيالى بىر قەدەر تەپسىلىي ۋە ھەقىقىي بولۇپ، ئېنگېلس ئۇنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىنى كۆپ قېتىم نەقىل كەلتۈرگەن.

تانۇككى

  • تانۇككى[يەشمىسى:]Bernardo Tanucci، 1698 — 1783). ئىتالىيە نېئاپول پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى(1759—1776). ماركىز. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، كورۇل فېردىناند Ⅰنىڭ نائىبى بولغان. تەرەققىيپەرۋەر سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، كاتولىك چېركاۋ ۋە فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھوقۇقىنى چەكلىگەن. پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن، چېركاۋغا تاقابىل تۇرۇپ، رىم ۋاتىكانى بىلەن كۈرەش قىلغان. 1767-يىلى ئىيېزوئىتلارنى نېئاپولدىن قوغلاپ چىقارغان. 1776-يىلى چېركاۋ ۋە فېئودال كۈچلەر ھابسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئۇنى ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر قىلغان، ئىسلاھاتمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

تاننېنبېرگ جېڭى

  • تاننېنبېرگ جېڭى[يەشمىسى:] يەنى «گرۇنۋارد جېڭى».

تاھماسىپⅠ

  • تاھماسىپⅠ[يەشمىسى:]ⅠTāhmasp 1514 —1576) ئىران سافى خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (1524 — 1576). ئىسمائىل Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختتىكى مەزگىلدە خوراسانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئۆزبېكلەرنى چېكىندۈرگەن ۋە ئوسمان ئىمپېرىيىسى بىلەن ئۇزاققىچە ئۇرۇش قىلغان. 1548-يىلى پايتەختنى تەبرىزدىن كازۋىن (Qazvin) غا يۆتكىگەن. 1555-يىلى، ئىراق بىلەن تۈركىيە يارىشىپ، ئەرمەنىستان ۋە گرۇزىيىنى بۆلۈشۈۋالغان. ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە خاندانلىقنىڭ ئىشلىرى بىلەن كارى بولمىغانلىقتىن، مەملىكەت ئىچىدە كەينى-كەينىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. ئۆلگەندىن كېيىن، ئىران فېئوداللىرىنىڭ ئىچكى نىزالىرى كەسكىنلىشىپ كەتكەن.

تاھىرىيە خاندانلىقى

  • تاھىرىيە خاندانلىقى[يەشمىسى:] ئىراننىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى يەرلىك فېئوداللىق خاندانلىقى (821 — 873). مىلادى 821-يىلى ئابباسىيلار خاندانلىقىدىكى خوراساننىڭ باش ۋالىيسى تاھىر (Tahir ibn Husain، ؟—822) مۇستەقىللىك جاكارلاپ، تاھىر خاندانلىقىنى قۇرغان. نام جەھەتتە يەنىلا خەلىپىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. زېمىنى خوراسان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەرۋىنى پايتەخت قىلغان. كېيىن نىشاپۇر (Nishapur) غا يۆتكىگەن. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، خوراسان قاتارلىق جايلارنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلغان. 873-يىلى، سەففەر خاندانلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.

تاۋار ئىگىلىكى

  • تاۋار ئىگىلىكى[يەشمىسى:] ناتۇرال ئىگىلىككە قارىتا ئېيتىلغان. ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئىشلەپ چىقىرىدىغان بىر خىل ئىگىلىك شەكلى. تاۋار ئىشلەپچىقىرىش، تاۋار ئالماشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى، ئەمگەك ئىش تەقسىماتى ۋە ئالماشتۇرۇشنىڭ تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى بىرىنچى، ئىككىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتىدىن كېيىن پەيدا بولغان. ئۇنى ئاددىي تاۋار ئىشلەپچىقىرىش، كاپىتالىستىك تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ۋە سوتسىيالىستىك تاۋار ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلارغا ئايرىش مۇمكىن. ئاددىي تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ئۇششاق تاۋار ئىشلەپچىقىرىش دەپمۇ ئاتىلىپ، ئۇششاق خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە يەككە ئەمگەكنى ئاساس، ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىشلەپچىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ قۇللۇق جەمئىيىتى، فېئوداللىق جەمئىيىتىدىكى تاۋار ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاساسىي شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كاپىتالىستىك تاۋار ئىگىلىكى يۈكسەك تەرەققىيات سەۋىيىسىگە يەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە كاپىتالىست ئىگىدارچىلىق قىلىشنى ئاساس، قوشۇمچە قىممەت يارىتىشنى نىشان قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىجتىمائىيلاشقان شارائىتتا تاۋار دائىرىسىنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە كېڭىيىشى، ئەمگەك كۈچىنىڭ تاۋارغا ئايلىنىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. سوتسىيالىستىك تاۋار ئىگىلىكى سوتسىيالىستىك ئومۇم مۈلۈكچىلىك ئاساسىغا تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ خاراكتېرى ۋە مەزمۇنى كاپىتالىستىك تاۋار ئىگىلىكى ھەم ئاددىي تاۋار ئىگىلىكىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ؛ ئۇ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ يېتەكچىلىكىدە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئەمما ھەرقانداق تاۋار ئىگىلىك شەكلى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئوبيېكتىپ ئىقتىسادىي قانۇنىيەت، بولۇپمۇ قىممەت قانۇنىيىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.

تاۋفائاخاۋ خاندانلىقى

  • تاۋفائاخاۋ خاندانلىقى[يەشمىسى:] تونگا پادىشاھلىقى خاندانلىقى. تۇئى كانوكۇپولۇنىڭ ئوغلى تاۋفائاخاۋ (Taufa ahau، يەنى گېئورگې تۇپوⅠ) 1845-يىلى قۇرغان، شۇنىڭ بىلەن تونگا تاقىم ئاراللىرىدىكى قەبىلىلەر بۆلۈنۈپ تۇرىدىغان، ئۇرۇش كەينى-كەينىدىن بولۇپ تۇرىدىغان ھالەتكە خاتىمە بېرىلىپ، بىرلىككە كەلگەن پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەت قۇرۇلغان. 1965-يىلى تاۋف-ائاخ-اۋ تۇپوۋ Ⅳ ئانىسى سالوتېنىڭ ئورنىنى بېسىپ پادىشاھ بولغان.

تاۋنېي

  • تاۋنېي[يەشمىسى:]Richard Henry Tawney، 1880 —1962) ئەنگلىيە ئىقتىساد تارىخشۇناسى. ئوكسفورد، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا كۆپ يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئىشچىلار مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلگەن. ئىشچىلار مائارىپى جەمئىيىتىدە رەئىس (1928— 1944) بولغ-ان. «ⅩⅥ ئەسىردىكى يەر مەسىلىسى» دېگەن كىتابىدا ئەنگلىيە يەر چىتلاش ھەرىكىتى ۋە ئەنگلىيە يېزا مۆتىۋەرلىرى تەبىقىسىنىڭ گۈللىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر قەدەر تەپسىلىي بايان قىلغان. يەنە «تويماس جەمئىيەت»، «دىن ۋە كاپىتالىزمنىڭ باش كۆتۈرۈشى»، «جۇڭگو يەرلىرى ۋە ئەمگەك كۈچى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

تائىپە تۈزۈمى

  • تائىپە تۈزۈمى[يەشمىسى:] قەدىمكى ھىندىستاننىڭ ئىجتىمائىي تەبىقە تۈزۈمى. سانسكرىت تىلىدا «ۋارنا» (Varna) دەپ ئاتىلىدۇ. كېيىن يەنە «جاتى»(Jati) دەپ ئاتالغان. ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن پورتۇگالىيىلىكلەر تەرىپىدىن«كاستا»(Casta) دەپ ئاتالغان. ئىنگلىزچە «كاستې» (Caste) دېيىلگەن. بۇ سۆز ھازىر دۇنيا بويىچە قوللىنىلماقتا. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى مىڭىنچى يىللارنىڭ ئالدىنقى بىرنەچچە ئەسىرلىرىدە ھىندى-ئارىيانلار ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن قۇللۇق تۈزۈم دۆلىتىگە ئۆتۈش جەريانىدا تۆت چوڭ تائىپە (ۋارنا) بارلىققا كەلگەن. بىرىنچى تائىپە براخمان، يەنى كاھىنلار تەبىقىسى. ئىككىنچى تائىپە كىساتىرىيا، يەنى ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسى. بۇ ئىككى تەبىقىدىكىلەر نەزىر-چىراغ، ھەربىي ۋە مەمۇرىي چوڭ ھوقۇقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، ھۆكۈمرانلىق سىنىپ بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۈچىنچى تائىپە ۋايىسىيا، يەنى ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاددىي پۇقرالار تەبىقىسى. يۇقىرىقى ئۈچ تائىپە ھىندى-ئارىيانلارغا تەۋە بولغان. تۆتىنچى تائىپە سودرا، يەنى ئاساسەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە ئوۋچىلىق قاتارلىق ھەرخىل كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بولۇپ، كۆپىنچىسى ھىندى-ئارىيانلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان يەرلىك خەلقلەر بولغان. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرى قۇل بولغان. ھەرقايسى تائىپىلەر (ھېچ بولمىغاندا نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا) ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ئورنىغا ئەۋلادتىن-ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ مەڭگۈ ئۆزگەرمىگەن. تائىپە ئىچىدە نىكاھلىنىش، تائىپىلەر ئۆزئارا ئارىلاشماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىككى نۇقتا تائىپە تۈزۈمىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۆت تائىپىنىڭ قانۇنىي ئورنىمۇ باراۋەر بولمىغان؛ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ساھەلىرىدە قاتتىق پەرقلەندۈرۈلگەن، بولۇپمۇ ئالدىنقى ئۈچ تەبىقە بىلەن سودرا تەبىقىسى ئوتتۇرىسىدىكى چەك ئىنتايىن قاتتىق (ھەتتا بىللە ئولتۇرۇشقا، بىرلىكتە تاماق يېيىشكىمۇ بولمايتتى) بولغان. تائىپە (تەبىقە) تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشىنى سىنىپىي جەمئىيەت بارلىققا كېلىش مەزگىلىدىكى ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى بىلەن م-ۇن-اسىۋەتلىك، ئەمما ھىندىستاندا بۇ خىل تۈزۈمنىڭ ئىپادىلىنىشى تولىمۇ تىپىك خاراكتېرگە ئىگە بولغان. ئىجتىمائىي ئەمگەك ئىش تەقسىماتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سودرا بىلەن ۋايسىيا ئوتتۇرىسىدا ئوخشىمىغان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەرخىل گۇرۇھلار پەيدا بولغان. تاغلىق ۋە ئورمانلىقلاردىكى بىر قىسىم قالاق قەبىلىلەر ئارىسىدىمۇ تائىپە تۈزۈمىنىڭ تەسىرى بىلەن تائىپە خۇسۇسىيىتىگە ئىگە مۇستەقىل گۇرۇھلار شەكىللەنگەن، نەتىجىدە تائىپە كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ، تائىپە تۈزۈمىمۇ بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن. «مانو قانۇنى» دا 50 تىن ئارتۇق تائىپە خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئورنى يۇقىرى، بەزىلىرىنىڭ تۆۋەن بولغان. ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسمى ئېزىلگۈچى تەبىقىلەردىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي ئورنى ئەڭ تۆۋەن، ئەڭ قاتتىق كەمسىتىلىدىغانلار كاندىرالار بولۇپ، بۇلار ئارىلىشىشقا بولمايدىغان. بىر خىل «پەسلەر» دەپ قارالغان. ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ، تائىپىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن، بۇرۇنقى تۆت ۋارنانىڭ ئايرىلىشى بارا-بارا ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتقان. تائىپە تۈزۈمى بىلەن براخمان دىنى (كېيىن ھىندى دىنى دەپ ئاتالغان) ئۆزئارا بىرلىشىپ، ھىندىستاننىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا نىسبەتەن پاسسىپ رول ئوينىغان. ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، گەرچە نامدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە يەنىلا زور تەسىرگە ئىگە.

تائىرا توپىلىڭى

  • تائىرا توپىلىڭى[يەشمىسى:]ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ياپونىيە ساموراي گۇرۇھلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئېلىشىش ۋەقەسى. خوگېن توپىلىڭىدىن كېيىن، تائىرا كىيومورى كېيىنكى شىراكاۋا تېننو (1127 — 1192-يىللار، 1158-يىلى ئورنىنى ئوغلىغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۇلۇغ تېننو دەپ ئاتالغان) نىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن، توپىلاڭنى تىنجىتىشقا نارازى بولۇپ، 1159-يىلى (پىڭ جىژ 1-يىلى) تائىراكى-يومورىنىڭ شۇڭيې ئىلاھى سارىيىنى تاۋاپ قىلىشقا كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ فۇجىۋارا نوبۇيورى (1133 — 1159)بىلەن بىرلىشىپ، قوشۇن تارتىپ تېننو نىجۇ (1143 — 1165-يىللار، 1158-يىلى تەختتە ئولتۇرغان) بىلەن كېيىنكى ئۇلۇغ تېننو شىراكاۋانى نەزەربەنت قىلغان ھەمدە ئارزۇلۇق ۋەزىر فۇجىۋارا توروكىن (1106-1159) نى قەتلى قىلغان تائىراكىيومورى خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان پايتەختكە قايتىپ، ئۇرۇش قىلىپ مىناموتويوشى تومو قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان: فۇجىۋارا نوبۇيورى ئۆلتۈرۈلگەن؛ مىناموتويوشى توموئوۋارى (بۈگۈنكى ئايچى ناھىيىسىنىڭ غەرب قىسمى) غا قېچىپ بارغاندا ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ 13 ياشلىق ئوغلى مىناموتو يورى تومو ئىزۇغا سۈرگۈن قىلىنغان. مىناموتو جەمەتىنىڭ سامورايلىرىنىڭ كۈچى ۋاقتىنچە ئاجىزلىشىپ، تائىرا جەمەتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك روناق تاپقان دەۋرى بارلىققا كەلگەن. كېيىنچە «پىڭ جى ھېكايەتلىرى» دە بۇ قېتىمقى ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىنىڭ جەريانى تەسۋىرلەنگەن.

تائىرا جەمەتى ھەققىدە ھېكايىلەر

  • تائىرا جەمەتى ھەققىدە ھېكايىلەر[يەشمىسى:]ياپونىيە كاماكۇرا دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى مەشھۇر جەڭنامە. ئەڭ دەسلەپ شىنانوساكىكازو تەرىپىدىن يېزىلغان (ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرى) دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئەسلى ئەسەر ئۈچ جىلد بولۇپ، كېيىنچە ئەما ھەزرەت شېڭ فونىڭ سۆزلەپ بېرىشى بىلەن ناخشا تېكىستىنىڭ ئورىگىنالى شەكىللەنگەن. تائىراكۇي دەپ ئاتالغان. ئون ئىككى جىلد. كېيىنكىلەرنىڭ تولۇقلاپ، توپلىشى ئارقىسىدا، ھازىرقى ھەر خىل نۇسخىلىرى ئاساسلىقى مۇزى-كىغ-ا سېلى-پ ئېيتىلىدىغان نۇسخىسى ۋە ئوقۇلىدىغان نۇسخىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سىستېمىغا بۆلۈنگەن. بىرىنچى جىلدتىن بەشىنچى جىلدقىچە تائىرا جەمەتىنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىن ئومۇميۈزلۈك روناق تېپىشىغىچە بولغان جەريان خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىش ئەھۋالى ھەمدە مىناموتو جەمەتى بىلەن قارشىلاشقانلىقلىرى تەسۋىرلەنگەن؛ 6-جىلدتىن 8-جىلدقىچە كوكۇراخارا (1161 — 1181)، تائىرا كىيومودملارنىڭ ئۆلۈمى بايان قىلىنىپ،تائىرا جەمەتىدە ئاجىزلىشىش كۆرۈلۈشكە باشلىغاندىن تاكى مىناموتويوشى ناكا (1154 — 1184) نىڭ كىيوتونى تارتىۋېلىشى (1183) غىچە؛ 9-جىلدتىن 12-جىلدقىچە مىناموتويورى تومو بىلەن مىناموتويوشى ناكا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش (1184)، مىناموتو جەمەتى بىلەن تائىرا جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى ئىچىنوتانى ئۇرۇشى (1184) دىن تارتىپ داننوئۇرا ئۇرۇشىدا تائىرا جەمەتىنىڭ يوقىلىشى (1185) غىچە بايان قىلىنغان. پۈتۈن كىتابقا «ھەركىم يول-دىن ئازسا، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، خۇشاللىق بىلەن جەننەتكە ئىنتىلىش لازىم» دېگەن بۇددا دىنى ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، خەنزۇچە بىلەن ياپونچە يېزىق ئارىلاشما قوللىنىلغان. مىنا موتو، «تائىرا جەمەتلىرىنىڭ گۈللىنىش، خارابلىشىش خاتىرىلىرى» 48 جىلد بولۇپ، يۇقىرىقى ئەسەر مانا مۇشۇنىڭدىن كېڭەيتىلىپ يېزىلغان، بۇنىڭ ئۆزگىچە بىر نۇسخىسى ئىكەنلىكىنى ھەم كۆرگىلى بولىدۇ.

تائىراكىيومورى

  • تائىراكىيومورى[يەشمىسى:]1118 — 1181) ياپونىيە ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكىھوقۇقدار.تائىراتادامورى(1095— 1153) نىڭ ئوغلى؛ يەنە بەزى ئېيتىشلاردا تېننو شىراكاۋا (1095 — 1129) نىڭ نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسى دېيىلىدۇ. تادامورى ئۆلگەندىن كېيىن، تائىرا جەمەتىنىڭ سامورايلىرىغا باشچىلىق قىلغان. 1156-يىلىدىكى خوگېن توپىلىڭى ۋاقتىدا كېيىنكى تېننو شىراكاۋا (1127 — 1192، 1155-يىلى تېننولىق تەختكە ۋارىسلىق قىلغان، 1158-يىلى ئورنىنى ئوغلىغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۇلۇغ تېننو دەپ ئاتالغان؛ 1169-يىلى بۇددا دىنىغا كىرىپ بۇدداخان دەپ ئاتالغان) غا ياردەملىشىپ، گېن جەمەتى بىلەن كوجۇخارا جەمەتىدىكىلەرنى بويسۇندۇرۇپ غەلىبىگە ئېرىشىپ، تېخىمۇ ئەتىۋارلانغان. 1159-يىلىدىكى پىڭ جىژ توپىلىڭىدا مىناموتا سۇلالىسىنى بەربات قىلغان، 1166-يىلى (رېن ئەننىڭ تۇنجى يىلى) ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى، ئىككىنچى يىلى مەمۇرىي ئىشلار ۋەزىرى بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ تائىرا جەمەتىدىكىلەر كۇجۇخارا جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئەمەلىي سىياسىي ھوقۇق تۇتقان. 1168-يىلى (رېن ئەن 3-يىلى) ئۆزىنىڭ قېيىن سىڭلىسى بىلەن كېيىنكى شىراكاۋا ئۇلۇغ شاھ ئوتتۇرىسىدا تۇغۇلغان ئوغۇل تاكارانى تېننو قىلىپ تىكلىگەن(1161—1181). 1172-يىلى (چىڭ ئەن 2-يىلى) ئۆزىنىڭ قىزىنى خانىكە قىلغان. ئۇنىڭ ئوردىسى روكۇخارا دېگەن جايدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ھاكىمىيىتىمۇ «روكۇخارا ھاكىمىيىتى» دەپ ئاتالغان. ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بولغان ئەمەلدارلار پۈتۈن ئوردىنى ئىگىلىگەن. ھەرقايسى جايلاردىكى ئېسىلزادىلەرنى جايلاردا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارلىققا تەيىنلەپ، ئۆزىگە قاراشلىق بولغان سامورايلارنى ھەرقايسى جايلارنىڭ قورۇق باشلىقى قىلىپ تەيىنلىگەن. نۇرغۇنلىغان تېرىلغۇ قورۇقلارنى ئىگىلەپ، كۆپلىگەن جايلارنىڭ ئاساسلىق بېجىنى يىغقان، سۇڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان سودىنى راۋاجلاندۇرۇپ، غايەت زور بايلىق توپلىغان. 1179-يىلى (جىژچىڭ 3-يىلى) كېيىنكى شىراكاۋا بۇدداخان ئىسيان كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنغاندا نەزەربەنتكە ئېلىنغان. 1180-يىلى مىناموتوماسا(1105 — 1180) رېن ۋاڭنىڭ قوللىشى بىلەن تائىرا جەمەتىگە جازا يۈرۈشى قىلىپ، باستۇرۇلغان. كىيومورى ئەمدىلا ئۈچ ياشقان تولغان قىز نەۋرىسى تېننوئانتوكۇ(1178— 1185) نى ئېلىپ، ئوردىنى فوكۇبارۇ (بۈگۈنكى كابنى شەھىرى ئىچىدە) گە يۆتكىگەن. شۇ يىلى 10-ئايدا، مىناموتويورى تومو قوشۇن تارتىپ فۇچىكاۋادا تائىرا جەمەتىنى مەغلۇپ قىلغان، كىيومورى كىيوتوغا قايتىپ، كېيىنكى شىراكاۋا بۇددا خانىنى ھاكىمىيەتنى قايتا تىكلەشكە تەكلىپ قىلغان. ئىككىنچى يىلى كېسەل بولۇپ ئۆلگەن. تائىرا جەمەتى گۇرۇھىنىڭ كۈچى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاجىزلاپ كەتكەن.

تائىرا ماساكادو

  • تائىرا ماساكادو[يەشمىسى:]؟ — 940) ياپونىيىنىڭ ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە ئۆتكەن ھەربىي قوماندان. ئۇنىڭ بوۋىسى تېننو كاممۇ (806 — 737) نىڭ چەۋرىسى گاۋۋاڭ خان بولۇپ، كاممۇتائىرا دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاتىسى شىمالدىكى شايىلارنى باستۇرغۇچى باسقاۋۇل مەھكىمىسىنىڭ سىياگۇنى تائىراماسا. كانتونىڭ شىموئوسا رايونى ئەنئەنىۋى كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولغان. مىلادى 935-يىلى (چىڭ پىڭ 5-يىلى) چوڭ ئاتىسى تائىرا كۇنىكا قاتارلىقلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ كۇنىكانى ئۆلتۈرگەن. بىرىنىڭ ئوردىغا چېقىپ قويۇشى بىلەن پايتەختكە چاقىرتىلغان؛ 937-يىلى كەچۈرۈم قىلىنىپ يۇرتىغا قايتقان. 939-يىلى (تيەنچىڭنىڭ 2-يىلى) يەنە گېنىچى تەرىپىدىن ئىسيان كۆتۈرمەكچى دەپ چېقىمچىلىق قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن خىتاچى (بۈگۈنكى ئىباراكى ناھىيىسى) پۇقرالىرىنىڭ ئولپان تاپشۇرمىغانلىقىنى قانات ئاستىغا ئالغانلىقتىن، خىتاچى تەرتىپ ساقلاش ئورنى بىلەن قارشىلىشىپ ئەسكەر باشلاپ خىتاچى تەرتىپ ساقلاش ئورنىنى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى جايلارنى ئىشغال قىلغان، ئۆزىنى يېڭى پادىشاھ دەپ ئاتاپ، شىمو ئۇسانىڭ ساشما ۋىلايىتىدىكى ئىشئى يېزىسى (بۈگۈنكى ئىباراكى ناھىيىسىنىڭ ئىۋائى شەھىرى) دا شاھ ئوردىسى ياسىتىپ، مۈلكىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارنىتەيىنلىگەن.940-يىلى كونىكانىڭ ئوغلى كايسادا باشقا ئاقسۆڭەك بايلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۇنى باستۇرغان. بۇ تارىختا «تائىراماساكادو توپىلىڭى» دەپ ئاتالغان. لېكىن خەلق ئارىسىدا ئىلاھ سۈپىتىدە ئۇزۇن زامانلارغىچە ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن. 

تاياماكاتائى

  • تاياماكاتائى[يەشمىسى:]1872 — 1930) ياپونىيىلىك يازغۇچى. ئەسلى ئىسمى روكۇيا، تۆۋەن دەرىجىلىك ساقچى ئوفىتسېرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىك چېغىدا كىتاب دۇكىنىدا شاگىرت بولۇپ ئىشلىگەن.1891-يىلى ئوزاكى كويو قاتارلىق ئاتاقلىق يازغۇچىلارنى زىيارەت قىلغان، تۇنجى ئەسىرى «قوغۇنلۇق» نى ئېلان قىلغان. 1907-يىلى ياپونىيىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلەردىكى ناتۇرالىزم ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان «يوتقان» ھېكايىسىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ قىسىملىق رومان: «ھاياتلىق»، «خوتۇن»، « ئائىلىۋى چۈشەك» نى، «يېزا ئوقۇتقۇچىسى» پوۋېستىنى، «ئەسكەر» ھېكايىسى قاتارلىقلارنى يازغان. 16 توملۇق «كاتائى ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

تايتوكونان

  • تايتوكونان[يەشمىسى:]1866 — 1934) ياپونىيە تارىخشۇناسى. ئەدەبىيات دوكتورى. ئىسمى توراجىرو. تەخەللۇسى ئاكىگيو. ئاكىتا ناھىيىسى پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. «ياپونلۇق»، «ئاسىيا» دېگەن ژۇرناللاردا مۇھەررىر بولغان. كېيىن «ئوساكا ئاساھى خەۋەرلىرى»، «تەيۋەن گېزىتى» دە مۇخبىر بولغان. 1898-يىلى «يوروزۇچوھو» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. 1909-يىلى كىيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان.1926-يىلى ئىمپېرىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىقىغا سايلانغان. مەخسۇس جۇڭگو تارىخىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە جۇڭگونىڭ قەدىمكى شېئىرلىرى،خەتتاتلىقى ۋە رەسسامچىلىقىغا ماھىر ئىدى. جۇڭگونىڭ سىياسىي تارىخى، ئىدىيە تارىخى، تارىخشۇناسلىق تارىخى ۋە رەسسامچىلىق تارىخىغا دائىركۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «جۇڭگو ھەققىدە»، «يېڭى جۇڭگو ھەققىدە»، «ئۇششاق-چۈششەك ئەسلىمىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە»، «تارىخ ئوقۇشتىن خاتىرىلەر»، «جۇڭگو رەسسامچىلىق تارىخى»، «جۇڭگو ئالدىنقى قەدىمكى زامان تارىخى»، «چىڭ سۇلالىسى تارىخى ھەققىدە ئومۇمىي مۇلاھىزە»، «جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخى»، «جۇڭگو تارىخشۇناسلىق تارىخى» قاتارلىقلار بار. كېيىن 14 توملۇق «نايتوكونان ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

تايرو

  • تايرو[يەشمىسى:]ياپونىيىنىڭ ئېدو شوگونلىقىدىكى ئالىي مەمۇرىي ئەمەلدار. ۋاقىتلىق مەنسەپ نامى. دائىمىي ئەمەلدار بولغان ئويئاتارىز ئۈستىدە تۇرۇپ، مەمۇرىيەت ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇراتتى ۋە دايمىيو (سەركەردە) نى كونترول قىلاتتى. زۆرۈر تېپىلغاندا تايرو تەسىس قىلىناتتى، ئۇ ئالىي ھوقۇققا ئىگە ئىدى. 1638-يىلى تسۇسما سوتوشكاتسونى، 1666-يىلى يەنە ساكاي تاداكىيونى تايرو قىلىپ تەيىنلىگەن. ئادەتتە تەمىناتى 100 مىڭ تاغاردىن يۇقىرى سەركەردىلەردىن تاللاپ تەيىنلىنەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئورۇننى تاكاي، تىسۇ، سماسۇ، خوتتا قاتارلىق باي سەركەردىلەر ئىگىلەپ تۇرغان.

تاي-سون قوزغىلىڭى

  • تاي-سون قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]1771 — 1802-يىللىرىدىكى ۋيېتنامدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى. جەنۇبتىكى كۇينۇنفۇنىڭ تاي-سون كەنتىدە باشلانغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. رۇەن ۋېنيۆ، رۇەن ۋېنخۇي، رۇەن ۋېنلۈي دېگەن ئۈچ ئاكا-ئۇكا رەھبەرلىك قىلىپ، دېھقانلار، نامرات ئەمگەكچىلەر ئاممىسى ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولغان. 1771 — 1785-يىللىرى شىمالدىكى ترىن (Trinh)جەمەتى فېئودال تەپرىقىچى گۇرۇھى بىلەن مۇرەسسەلىشىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، جەنۇبتىكى نىگ-ۇيېن (Nguyen) جەمەتى فېئودال تەپرىقىچىلىق گۇرۇھقا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ زەربە بەرگەن ھەمدە سىيام (ھازىرقى تايلاند) نىڭ مۇداخىلە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان.1786-يىلى رۇەن ۋېنخۇي قوشۇن باشلاپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، شېڭلوڭ (ھازىرقى خانوي) غا ھۇجۇم قىلىپ، شىمالدىكى ترىن جەمەتى گۇرۇھىنى تارمار قىلغان؛ 1788-يىلى جۇڭگو چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇداخىلىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، لى جەمەتى سۇلالىسىنىيوقاتقان.تاي-سون قوشۇنى تەرەققىي قىلىش داۋامىدا ھاكىمىيەت ئورناتقان. رۇەن ۋېنيۆ 1778-يىلىلا پادىشاھ دەپ ئاتىلىپ، نامى يۇەنتەيدېغا ئۆزگەرتىلگەن؛ 1787-يىلى مەركىزىي پادىشاھ دەپ ئاتالغان؛ رۇەن ۋېنخۇي 1788 -يىلى پادىشاھ دەپ ئاتىلىپ، چۇاڭ -ترۇڭ (_ Quag Trung) يىلنامە قىلىنغان ھەمدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىگە ئاننام (Annam) پادىشاھى دەپ ئۇنۋان بېرىشنى تەلەپ قىلغان. تارىختا تاي-سۇن ھاكىمىيىتى تاي-سۇن سۇلالىسى دەپمۇ ئاتالغان. رۇەن فامىلىلىك ئاكا-ئۇكىلار پومېشچىكلارنىڭ يەرلىرىنى دېھقانلارنىڭ تېرىشى ئۈچۈن بۆلۈپ بېرىپ، دەرىجىگە بۆلۈپ باج ئېلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. لېكىن كېيىن ئاينىپ يېڭى فېئودال ھۆكۈمرانلارغا ئايلىنىپ كەتكەن. ھوقۇق ۋە مەنپەئەت تالىشىپ، ئارقا-ئارقىدىن ئىچكى نىزا بولۇپ تۇرغان. 1792-يىلى ۋېنخۇي، ۋېنيۆ، ئارقا-ئارقىدىن قازا قىلىپ كەتكەن، ۋېنخۇينىڭ ئوغلى گۇاڭزۇەن تەختكە چىققان بولسىمۇ، خەلقنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان. 1802-يىلى جەنۇبتىكى رۇەن جەمەتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىدىن رۇەن فۇيىڭ فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شېڭلۇڭغا باستۇرۇپ كىرىپ، رۇەن گۇاڭزۇەننى ئەسىر ئېلىپ، رۇەن جەمەتى سۇلالىسىنى قۇرغان.

تايكا ئىسلاھاتى

  • تايكا ئىسلاھاتى[يەشمىسى:]مىلادى Ⅶئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياپونىيىدە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتە ئېلىپ بېرىلغان مۇھىم بىر ئىسلاھات. مىلادى 645-يىلى 6-ئايدا شاھزادە چۇدايكېي ئاكاتىسۇئومى كاماتارى بىلەن شېرىكلىشىپ ئوردىدا سوگانو ئىروكانى ئۆلتۈرۈپ، سوگانونىڭ كۈچلىرىنى يوقىتىپ تېننو كوتوكۇنى تەختكە چىقارغان يىل نامىنى تايكا دەپ ئۆزگەرتكەن. 12-ئايدا پايتەختنى نەنپوغا (بۈگۈنكى ساكا) يۆتكىگەن، 646-يىلى (تايكا 2-يىلى) پەرمان ئېلان قىلىنىپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان: (1) پادىشاھ جەمەتى ۋە مەركەز ھەم جايلاردىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ خۇسۇسىي يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىش، ناتىۋانلار تۈزۈمىنى (ئوردىدا قول سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ناتىۋانلار بۇنىڭ سىرتىدا) بىكار قىلىش، يەرنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش، ناتىۋانلارنى دۆلەت پۇقراسىغا ئايلاندۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش. (2) مەمۇرىي ئورگانلارنى بەلگىلەپ، مەركەزدە ئىككى مەمۇرىيەت، سەككىز ۋازارەت، بىر مەھكىمە تەسىس قىلىش، جايلاردا ۋاسساللىق، ۋىلايەت، ناھىيە تەسىس قىلىش. (3) ئاھالە رويخېتىنى تۈزۈپ، ئۈلۈشلۈك يەرلەر تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئىجارە، ئارتۇق-سېلىق ۋەئالۋان-ياساقلارنى يىغىۋېلىش. بۇ ئىسلاھات سۈي-تاڭ سۇلالىلىرى تۈزۈمىنىڭ تەسىرىدە ئېلىپ بېرىلغان. ئىسلاھات تەدبىرلىرى كىنكى ۋە شەرقىي قىسىمدا يولغا قويۇلۇپ، پەيدىنپەي ئومۇملاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ نەتىجىلىرى يېرىم ئەسىردىن كېيىنكى «داباۋ قانۇن-پەرمانى»دا كونكرېت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ياپونىيىدىكى تارىخشۇناسلارنىڭ بەزىلىرى ئىسلاھات پەرمانىدىن گۇمانلىنىپ، ئۇنىڭ بەزى سۆزلىرى كېيىنكى «داباۋ قانۇن-پەرمانى» دىن ئېلىنغان دەپ قارىغان؛ ئومۇمەن ئىسلاھاتنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ياپونىيىدە ئىسلاھات ئارقىلىق ھوقۇق مەركەزگە مۇجەسسەملەشكەن تېننو تۈزۈمى ئاساسىدىكى دۆلەت قۇرۇلدى دەپ ھېسابلىغان. شۇ چاغدىكى جەمئىيەتنىڭ خاراكتېرى توغرىسىدا، بەزىلەر ياپونىيە شۇنىڭ بىلەن فېئودال جەمئىيەتكە قەدەم قويدى، دەپ ھېسابلىسا، بەزىلەر يەنىلا قۇللۇق تۈزۈم باسقۇچىغا كىرىدۇ، دەپ ھېسابلاشقان.

تايلاند ئاساسىي قانۇن ھەرىكىتى

  • تايلاند ئاساسىي قانۇن ھەرىكىتى[يەشمىسى:]يەنى «24-ئىيۇن سىياسىي ئۆزگىرىشى». 

تايلاند-فرانسىيە ئۇرۇشى

  • تايلاند-فرانسىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:]ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا تايلاندنىڭ فرانسىيە بىلەن قىلغان ئۇرۇشى. 1940-يىل 9-ئايدا، سوڭگرام ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، فرانسىيىنىڭ ۋىشى ھۆكۈمىتىگە ⅪⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا سىيامنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇق دائىرىسىدە بولغان لائوس بىلەن كامبودژىنىڭ بىر قىسىم زېمىنىنى تايلاندقا قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى قويغان. تەلەپ رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئۇرۇش قىلغان. 1941-يىلى 1-ئايدا تايلاند ئەسكەرلىرى كامبودژا-لائوس چېگرىسىدىن ئۆتۈپ دەسلەپكى غەلىبىگە ئېرىشكەن. كېيىن سىچاڭ ئارىلىدىكى دېڭىز ئۇرۇشىدا، تايلاند فلوتى گۇمران بولغان. ئاخىر ياپونىيە، گېرمانىيىلەرنىڭ بېسىمى بىلەن، ۋىشى ھۆكۈمىتى نائىلاج شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى توكيودا كېلىشىم ئىمزالاپ، لائوسنىڭ غەربىي رايونىنى ۋە كامبودژىنىڭ ۋاتتامباڭ، سىيېمىرېئاپ ۋە سىسو ئۆلكىلىرىنى تايلاندقا بۆلۈپ بەرگەن. 

تايلاندتىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى

  • تايلاندتىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى[يەشمىسى:]ئىسلاھات ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، سىيام (ھازىرقى تايلاند) پادىشاھى راما Ⅴ تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە (1868 — 1910) ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق بۇرژۇئا ئىسلاھات ھەرىكىتى. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: (1) مائارىپ تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىچە مەكتەپ تەسىس قىلىش؛ (2) ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىش، غەربكە تەقلىد قىلىپ مىنستىرلىكلەرنى قۇرۇش، مەسلىھەتچىلىك تۈزۈمىنى ئورنىتىش؛(3) قانۇن چىقىرىش يولى بىلەن قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش؛ (4) تۆمۈريول، تاشيول ياساش؛ (5) باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، كونىچە كۆتۈرە ئالىدىغان باج تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دۆلەت بېجىنى ھۆكۈمەت يىغىش؛ (6) ئەدلىيە تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەدلىيە ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش. يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى فېئوداللىق تەپرىقىچىلىكنى تۈگىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، دۆلەتنى بىرقەدەر زىچ ئۇيۇشقان ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە بۇرژۇئا دۆلىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن شەرت يارىتىپ بەرگەن.

تايلور

  • تايلور[يەشمىسى:]1) جون تيلېر (John Tyler، 1790 — 1862)ئامېرىكا زۇڭتۇڭى(1841 — 1845) خۇيگلاردىن. ۋىرگىنىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. 1809-يىلى ئادۋوكات بولغان. 1811—1816-يىللىرى ۋە 1823 — 1825-يىللىرى ئىككى قېتىم شتاتلىق پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1817 — 1821-يىللىرى قوشما شتاتلار ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1827 — 1836-يىللىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1840-يىلى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. زۇڭتۇڭ خاررىسون ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ بىر ئاي بولغاندا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا زۇڭتۇڭ بولغان. ئۇ زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلىدە يەر تەقسىم قىلىشتا ئېتىبار بېرىش قانۇنىنى يولغا قويغان؛ باج نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت كىرىمىنى ئاشۇرغان؛ دۆلەت بانكىسى قۇرۇش قانۇن لايىھىسىنى رەت قىلغان، ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىنىڭ كۆپچىلىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىش بىلەن قارشىلىق قىلغان. سىرتقا قارىتا ئەنگلىيە بىلەن «ۋېيبۇرىست-ئاشبېرتون شەرتنامىسى» نى تۈزۈپ، كانادانىڭ 18 مىڭ كۋادرات كىلومېتردىن ئارتۇق يېرىگە ئىگە بولۇۋالغان. كېيىن دېموكراتلار پارتىيىسى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن كېيىن، جەنۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كېلىشتۈرمەكچى بولغان، لېكىن نەتىجە ھاسىل قىلالمىغان.(2)ھېنرىيئوسبورنتايلور(Henry Osborn Taylor،1856— 1941) ئامېرىكا تارىخشۇناسى. 1878-يىلى خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، ئۈچ يىلدىن كېيىن كولۇمبىيە داشۆسىدە قانۇنچىلىق بويىچە باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. كېيىن قەدىمكى زامان ۋە ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا ئۆتكەن ھەمدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خارۋارد داشۆسى ۋە ستانفورد داشۆسىدە دەرس بەرگەن. ھاياتىدا ئون نەچچە خىل ئەسەر يازغان. ئۇنىڭ ئىچىدە «ⅩⅥ ئەسىر ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئىپادىلىرى»(ئىككى توم)، «ئوتتۇرا ئەسىر ئىدىيە تارىخى»(ئىككى توم)، «قەدىمكى زامان ئىدىيە تارىخى — يىراق قەدىمكى زاماندىن خرىستىئان دىنى پەيدا بولغانغىچە ئارىلىقتا ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ئۆسۈشى ئۈستىدە تەتقىقات» (ئىككى توم) ۋە باشقىلار بار.

تايلور

  • تايلور[يەشمىسى:]Zachary Taylor،1784— 1850) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1849—1850). خويگلاردىن. ۋىرگىنىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. 1808-يىلى ئارمىيىگە كىرگەن، ئىندىئانلار ۋە مېكسىكىلىقلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلىدە خۇيگ پارتىيىسىنىڭ سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان؛ مېكسىكىدىن تارتىۋالغان زېمىندا يېڭى شتات قۇرغاندا، قۇللۇق تۈزۈمنى يولغا قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان؛ لېكىن كېيىن قۇلدارلارنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكۈپ، «1850-يىلىدىكى مۇرەسسە لايىھىسى» نى تۈزگەن؛ شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت خادىملىرىنى قىسقارتىش، ئاپپاراتلارنى ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان، لېكىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان. كېيىن ۋابا كېسىلى بىلەن ئۆلگەن.

تايىنگۇيىن ئەسكەرلەر قوزغىلىڭى

  • تايىنگۇيىن ئەسكەرلەر قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]ۋيېتنامنىڭ تايىنگۇيىن شەھىرىدىكى ۋيېتناملىق ئەسكەرلەرنىڭ فرانسىيىگە قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى.1917-يىل 8-ئاينىڭ 30-كۈنى كېچىدىن31-كۈنى سەھەرگىچە، تايىنگويىن شەھىرىدە تۇرۇشلۇق فرانسىيە قوشۇنىدىكى ۋيېتناملىق ئەسكەرلەر ئەترەت باشلىقى جىڭ ۋېنگىن ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى لياڭ يۈجۇەننىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، قوزغىلاڭچى ئەسكەرلەر «ۋيېتنام ئەسكەرلىرى دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرەيلى» دېگەن بايراقلارنى كۆتۈرۈپ، فرانسىيىلىك ئوفىتسېرلارنى ئۆلتۈرۈپ، تۈرمىلەرگە بېسىپ كىرىپ، سىياسىي جىنايەتچىلەرنى ئازاد قىلىپ، تايىنگويىن شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. فرانسىيە قوشۇنلىرى ئەسكىرىي كۈچلىرىنى يىغىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكتىن، 9-ئاينىڭ باشلىرىدا تايىنگۇيىن قولدىن كېتىپ، قوزغىلاڭچىلار تاغلىق رايونلارغا چېكىنىپ، يۇڭئەن، فۇئەن، بېينىن قاتارلىق جايلاردا ئۇرۇشۇپ، قوراللىق كۈرەشنى يېرىم يىلغا قەدەر داۋاملاشتۇرغان. 1918-يىلى 3-ئايدا فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.

تاينې

  • تاينې[يەشمىسى:]Hippolyte Adolphe Taine، 1828 —1893) فرانسىيە پەيلاسوپى، تارىخشۇناسى، ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەرىيىچىسى. پارىژ ئالىي دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان. 1864-يىلىدىن باشلاپ پارىژ گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىدە ئېستېتىكا ۋە سەنئەت تارىخى پروفېسسورى بولغان. 1878-يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ناتۇرالىزملىق ئېستېتىكا نەزەرىيىسىنى تەشەببۇس قىلغان، ئۇ، مەدەنىيەت-تارىخ ئىلمىي ئېقىمىنىڭ ئاساسچىسى. دەسلەپ بۇرژۇئا ئەركىنلىك تەرەپدارى بولغان، 1871-يىلىدىكى پارىژ كوممۇنىسىدىن كېيىن ئىشچىلار ھەرىكىتىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان، سىياسىي كۆز قاراش جەھەتتە مۇتەئەسسىپلىك ۋە ئەكسىيەتچىلىككە مايىل بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ «ھازىرقى زامان فرانسىيىسىنىڭ مەنبەسى» دېگەن ئەسىرىدە، فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغا ئوچۇقتىن-ئوچۇق قارشى تۇرغان، ياكوبىنچىلارنى ھە دەپ كەمسىتكەن. ئۇنىڭ يەنە «ئەنگلىيە ئەدەبىيات تارىخى»، «سەنئەت پەلسەپىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

تەبەرى

  • تەبەرى[يەشمىسى:]alTabari،838—923) ئەرەب تارىخشۇناسى. كاسپى دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى ئىراندىكى تەبەرىستاندا تۇغۇلغان. رايئىدا ئوقۇغان. ئىراق، سۈرىيە ۋە مىسىرنىڭ ھەرقايسى ئىلىم-پەن مەركەزلىرىدە ئۆگەنگەن ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئاخىرقى قىرىق يىلىدا باغدادتا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 13 قىسىملىق «ئۆتكەن سۇلالىلەردىكى ئەۋلىيالار ۋە پادىشاھلار تارىخى» (قىسقارتىلىپ «تارىخى تەبەرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ-ت) دېگەن ئەسىرى بولۇپ، يىلنامە شەكلىنى قوللىنىپ، «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» دىن تارتىپ 915-يىلىغىچە بايان قىلىنغان، ئۇ مەزمۇنىنىڭ موللۇقى جەھەتتە مىسلىسىز بولغان، ئەرەب يېزىقىدا يېزىلغان تۇنجى مۇكەممەل تارىخىي ئەسەردۇر. «قۇرئان تەپسىرى» دېگەن ئەسىرى كېيىنكىلەر تەرىپىدىن «قۇرئان»نى ئىزاھلاشنىڭ ئۈلگىسى قىلىنغان.

تەبىقىلىق پادىشاھلىق تۈزۈم

  • تەبىقىلىق پادىشاھلىق تۈزۈم[يەشمىسى:]يەنە تەبىقە ۋەكىللىك پادىشاھلىق تۈزۈم دەپمۇ ئاتالغان. ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادىكى پادىشاھلارنىڭ تەبىقە ۋەكىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ياردىمىدە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىغان بىر خىل ھاكىمىيەت شەكلى. ئاساسىي تەبىقە ۋەكىللىك ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى تۆۋەندىكىچە بولغان: ئىسپانىيە پارلامېنتى (ⅩⅡ ئەسىردە)، ئەنگلىيە پارلامېنتى (1265-يىلى) ۋە فرانسىيىنىڭ ئۈچ دەرىجىلىكلەر كېڭىشى (1302-يىلى). تەبىقىلىق پادىشاھلىق تۈزۈم باسقۇچىدا، پادىشاھ ھاكىمىيىتى شەھەر ئاھالىسى ۋە ئوتتۇرا، ئۇششاق فېئوداللارغا تايىنىپ چوڭ فېئوداللار بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئەدلىيە ھوقۇقى، ھەربىي ھوقۇق قاتارلىقلارنى پەيدىنپەي مەركەزلەشتۈرگەن، ئەمما فېئوداللار ۋە شەھەر پارلامېنتىنى ئەگىپ ئۆتۈپ، بىۋاسىتە باج تۆلىگۈچىلەر — دېھقانلار ۋە شەھەر ئاھالىسىدىن باج ئالالمىغان، شۇڭا تەبىقە ۋەكىللىك ئاپپاراتىنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيىسى پادىشاھ ئالىدىغان باجنى تەستىقلاش ۋە ئۇنى تەقسىم قىلىشتىن ئىبارەت بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، بۇنداق ئاپپاراتلار بەزىدە مەلۇم خىل قانۇن تۈزۈش فۇنكسىيىسىگىمۇ ئىگە بولغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن كېيىن، پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك تۈزۈم تەدرىجىي ھالدا تەبىقىلىق پادىشاھلىق تۈزۈمنىڭ ئورنىنى ئالغان.

تەبىئىي ئىش تەقسىماتى

  • تەبىئىي ئىش تەقسىماتى[يەشمىسى:]ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە، جىنس ۋە ياشقا قاراپ تەبىئىي فىزىئولوگىيىلىك ئاساس بويىچە يولغا قويۇلغان ئەمگەك ئىش تەقسىماتى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مەۋجۇت بولغان. كېيىن يىغىش، ئوۋچىلىق ئىگىلىكىدىكى ئاساسلىق ئىش تەقسىماتى شەكلىگە ئايلانغان. ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق ئىگىلىك تارماقلىرى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. ياش-قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ئوۋچىلىق قىلىشى، بېلىق تۇتۇشى، ئۆي سېلىشى، قولۋاق ياسىشى، جەڭ قىلىشى، كېيىنچىرەك ئاساسلىق ھالدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى، ياش-قۇرامىغا يەتكەن ئاياللارنىڭ يىغىش، ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، بالىلارنى كۈتۈش ۋە يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ساقلاش ھەمدە تەييارلاش ئىشلىرىنى قىلىشى، كېيىنچىرەك ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى — بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى بولغان. قېرىلار ۋە بالىلار قوشۇمچە ئەمگەك كۈچى قىلىنغان. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئەر-ئاياللار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆزى ئىشلەتكەن قوراللارنىڭ ئىگىسى بولغان. تەبىئىي ئىش تەقسىماتى ئەر-ئاياللارنى ئوخشاش بولمىغان ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە تەجرىبە توپلاش ۋە پىششىق ماھارەتكە ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، بۇنىڭ بىلەن ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى ئەر-ئاياللارنىڭ ئۇچرىشىشىنى چەكلەپ، بوغون بويىچە نىكاھلىنىشقىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ قالدۇقى ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىنىڭ تولۇقلىما شەكلى سۈپىتىدە سىنىپىي جەمئىيەتتە ئۇزاققىچە ساقلىنىپ كەلگەن. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان يېقىنقى زامان شارائىتىدىلا ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى بارغانسېرى تارىيىپ بارغان.

تەپتىش ئەمەلدارى

  • تەپتىش ئەمەلدارى[يەشمىسى:]لاتىنچىسى «Censor» سېنزور بولۇپ، «باھالىغۇچى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمكى رىمنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى. جۇمھۇرىيەتتىن بۇرۇنقى دەۋردە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا) تەسىس قىلىنغان. دەسلەپتە نوپۇسنى باشقۇرغان، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلكىنى باھالىغان ۋە ئۇلارنىڭ تەۋەلىك دەرىجىسىنى بەلگىلىگەن. كېيىن دۆلەت مالىيەسىنى باشقۇرۇشقا، تەرتىپ-ئىنتىزامغا نازارەتچىلىك قىلىشقا قاتناشقان ھەمدە سېنات ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى تەكشۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان؛ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقمىغان سېنات ئەزالىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ھەر قېتىمقى سېنتورىيە يىغىنى (يۈز كىشىلىك چوڭ يىغىن) دا ئىككى كىشى سايلانغان، ۋەكالەت مۇددىتى بەش يىل، ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان ۋاقتى 18 ئاي بولغان، سايلانغۇچىلارنىڭ تولىسى ئابرويلۇق ئاقسۆڭەكلەردىن بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاددىي پۇقرالارمۇ تەيىنلىنىدىغان بولغان. ئىمپېرىيە تۈزۈمى ئورنىتىلغاندىن كېيىن (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا) ئۆز رولىنى يوقاتقان.

تەپتىش ھۆكۈمەت

  • تەپتىش ھۆكۈمەت[يەشمىسى:]1795 — 1799-يىللاردا قۇرۇلغان فرانسىيە بۇرژۇئازىيە جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيىتى. مىللىي ئۇيۇشما 1795-يىل 10-ئاينىڭ 26-كۈنى يېپىلىپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ 3-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، يېڭىدىن سايلانغان سېنات ۋە 500 كىشىلىك كېڭەشكە ئورۇن بوشاتقان. ئىككى پالاتا بارراس، كارنوت، لېتوئۇرنېئۇر (L.F. Letourneur، 1751 — 1817)، رېۋېللىئېرى (L-M.de La Rèvellière-Lèpeaux،1753— 1824) ۋە رېۋبېل (J - F. Rewbell، 1747— 1807) بەش نەپەر تەپتىش ئەمەلدارىدىن تەركىب تاپقان بىرىنچى نۆۋەتلىك تەپتىش ھۆكۈمەتنى سايلاپ چىققان. بۇ ھۆكۈمەت تومۇز ئاي پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ لۇشيەنىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ، بىر تەرەپتىن جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ساقلاپ، پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنىڭ تىرىلىشىگە قارشى تۇرغان، قېچىپ كەتكەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ فرانسىيىگە قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلمىغان، خانپەرەسلەرنىڭ كۆپ قېتىملىق توپىلىڭىنى تىنچىتقان؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سايلىغۇچىلارنىڭ مال-مۈلۈك سالاھىيىتىگە چەك قويغان، ئىنقىلابىي دېموكراتىك كۈچلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، بابېئۇت رەھبەرلىكىدىكى باراۋەرچىلەرنى باستۇرغان، «كامپوفورمىئو سۈلھ شەرتنامىسى» ئىمزالانغاندىن كېيىن (1797-يىلى)، چەت ئەلنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسىگە قارشى مىللىي قوغدىنىش ئۇرۇشىنى تەدرىجىي ھالدا تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشىغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن. ئۇ تۇراقسىز سىياسەت يۈرگۈزۈپ، سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تۇراقسىزلىقىنى پەيدا قىلىپ، دۆلەتنى ئىچكى ئەنسىزلىك ۋە تاشقى تاجاۋۇزچىلىق ئىچىدە قالدۇرغان، ئاخىر ناپولېئون قوزغىغان «تۇمانلىق ئاينىڭ ئون سەككىزىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش» تە ئاغدۇرۇپ تاشلانغان.

تەخت بوش قالغان دەۋر

  • تەخت بوش قالغان دەۋر[يەشمىسى:]1254-يىلى خوخېنستاۋفىن (Hohenstaufen) خاندانلىقى ھالاك بولغاندىن تارتىپ 1273-يىلى خابىسبۇرگ خاندانلىقى قۇرۇلغانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھ تەختى بوش قالغانىدى. تارىختا بۇ مەزگىل «تەخت بوش قالغان دەۋر» دەپ ئاتالغان.

تەختكە ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى

  • تەختكە ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى[يەشمىسى:]1701-يىلى ئەنگلىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان قانۇن لايىھىسى بولۇپ، «ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» دىن كېيىنكى بۇرژۇئازىيە، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەيدىغان يەنە بىر مۇھىم ھۈججەت. ۋىلليام ۋە ئۇنىڭ ۋارىسى مارىي خانىشنىڭ سىڭلىسى ئاننالارنىڭ ئەۋلادى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، پارلامېنت، ئاننا ئۆلگەندىن كېيىن پادىشاھلىق ئورۇننى جامېس Ⅰنىڭ نەۋرە قىزى، خاننوۋېرلىق نايىب شاھ سوفىيە (Sophia، 1714 — 1630) گە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلغان ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيە پادىشاھلىق تەختىنى كاتولىك دىنى مۇخلىسلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى، ئەنگلىيە پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغانلىكى كىشىنىڭ چوقۇم ئەنگلىيە دۆلەت دىنىغا كىرىشى كېرەكلىكىنى، كورۇل ماقۇللىغان بارلىق قارارلارغا شۇ قارارغا قوشۇلغان ۋەزىرلەر ئىمزالاپ مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى، چەت ئەللىكلەرنىڭ مۇھىم خەلق ئىشلار ۋە ھەربىي ئىشلار ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىگە بولمايدىغانلىقىنى؛ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىنى قوشۇمچە ئۆتىشىگە بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

تەقسىمات

  • تەقسىمات[يەشمىسى:]ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەقسىماتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمال ھەمدە ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم ھالقا، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىر تەرىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە جەمئىيەتنىڭ بەلگىلىك مەزگىلدە ياراتقان مەھسۇلاتى ياكى قىممىتىنىڭ (مىللىي دارامەت) جەمئىيەتكە ياكى دۆلەتكە، ئىجتىمائىي گۇرۇھلارغا ۋە جەمئىيەت ئەزالىرىغا تەخسىملىنىش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ تەقسىماتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەقسىماتنى ئىشلەپچىقىرىش بەلگىلەيدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرۇۋاتقنا ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى تەقسىماتنىڭ خاراكتېرى ۋە مەزمۇنىنى بەلگىلەيدۇ. ئەكسىچە، تەقسىمات ئىشلەپچىقىرىشنى ئاقسىتىش ياكى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار جەمئىيىتىدە تەقسىمات ئانتاگونىيىلىككە ئىگە بولىدۇ، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار ئىشلىمەي چىشلەپ، تاغدەك مال-دۇنياغا ئىگە بولىدۇ. ئەمگەكچى خەلق بولسا ئەمگەك قىلىپمۇ ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالماي، موھتاجلىقتا ئۆتىدۇ. سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتە، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ھەر كىمنىڭ قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەش، ئەمگىكىگە قارىتا ھەق ئېلىش پرىنسىپىنى بەلگىلىگەن. ئىشلەپچىقىرىش، جۇغلانما ۋە تەقسىمات (ئىستېمال) پىلانلىق ۋە نىسبەت بويىچە تەرەققىي قىلىدۇ.

تەرەققىيپەرۋەرلەر جەمئىيىتى

  • تەرەققىيپەرۋەرلەر جەمئىيىتى[يەشمىسى:]چاۋشيەندىكى لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ياپونپەرەس تەشكىلات. 1904-يىلى ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپون ئارمىيىسىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن، سۇڭ بىڭجۈن يىن شىبىڭ بىلەن بىرلىشىپ يېڭىلىققا كۆچۈش جەمئىيىتى تەشكىللىگەن ھەمدە يېڭىدىن قۇرۇلغان دۇڭشۆداڭ پىرقىسىنىڭ قالدۇقلىرىدىن تەركىب تاپقان تەرەققىيپەرۋەرلەر جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىۋېلىپ، نامىنى تەرەققىيپەرۋەرلەر جەمئىيىتى دەپ ئۆزگەرتكەن. ياپون ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە پائال ياردەم بەرگەن. 1905-يىلى تەرەققىيپەرۋەرلەر جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، دىپلوماتىك ھوقۇقنى ياپونىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ۋە ئىچكى ئىشلىرىنى «ئىسلاھ قىلىش» تا ياپونلۇقلارنى مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ يىلى «يىسى ھامىيلىق قىلىش شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ، ياپونلار باش نازارەتچى بولغان چاۋشيەن باش نازارەت مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىغان. مەزكۇر جەمئىيەت يەنە «يېڭى خەلق گېزىتى» چىقىرىپ، ياپونپەرەسلىك تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. 1909-يىلى چاۋشيەن باش نازارەتچىسى ئىتو خىرومى ئۆلتۈرۈلۈپ، ياپونغا قارشى كۈرەش كۈچەيگەن، تەرەققىيپەرۋەرلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لى رۇڭجيۇ قاتارلىقلار بىر مىليون ئەزانىڭ نامىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان.1910-يىلى 8-ئايدا، ياپونىيە چاۋشيەننى «چاۋشيەن بىلەن ياپونىيىنىڭ قوشۇلۇش شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، چاۋشيەننى ياپونىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، تەرەققىيپەرۋەرلەر جەمئىيىتى تارقىلىپ كەتكەن. 

تەرتىپ پارتىيىسى

  • تەرتىپ پارتىيىسى[يەشمىسى:] 1848 — 1851-يىللىرى فرانسىيىدىكى ئىككى مونارخىستلار گۇرۇھىنىڭ بىرلەشكەن تەشكىلاتى. لۇئى ناپولېئون بوناپارت 1848-يىل 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭى سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، بوربون سۇلالىسىنىڭ ھىمايىچىسى بولغان ئەنئەنىچىلەر بىلەن ئورلېئان سۇلالىسىنىڭ ھىمايىچىسى بولغان ئورلېئانچىلار ئىتتىپاق تۈزگەن، ئۇلار جەمئىيەت «تەرتىپى»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جۇمھۇرىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پادىشاھلىق تۈزۈمىنى قايتىدىن قۇرۇشنى نىشان قىلغان، شۇڭا «تەرتىپ پارتىيىسى» دەپ ئاتالغان. 1849-يىلىدىن 1851-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشكىچە، بۇ پارتىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ قانۇن چىقىرىش يىغىنىدا رەھبەرلىك ئورنىدا تۇرۇپ كەلگەن، ئۇ يولغا قويغان ئەكسىيەتچى سىياسەتتىن لۇئى بوناپارت پايدىلىنىپ ئىككىنچى ئىمپېرىيىنى قۇرغان.

تەڭداشسىز پالاتا

  • تەڭداشسىز پالاتا[يەشمىسى:]فرانسىيە بوربون خاندانلىقى ئىككىنچى نۆۋەت تىرىلگەن دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئاۋام پالاتاسى. ناپولېئوننىڭ يۈز كۈنلۈك خاندانلىقى گۇمران بولغاندىن كېيىن، 1815-يىلى 8-ئايدا، ئاۋام پالاتا سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، 10-ئاينىڭ 7-كۈنى يىغىن چاقىرىلغان. لۇئى ⅩⅧ ئۇچىغا چىققان مونارخىستلار مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن (402 ئورۇننىڭ 350 نى ئىگىلىگەن) بۇ ئاۋام پالاتاسىنى «تەڭداشسىز پالاتا» دەپ ئاتىغان، پالاتا «سىياسىي جىنايەتچىلەر پەۋقۇلئاددە سوتى توغرىسىدا»، «ئىسيانغا قۇتراتقۇچىلارنى جازالاش قانۇنى» قاتارلىق پەرمانلارنى ئارقا-ئارقىدىن ماقۇللاپ، قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغان. فرانسىيە جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى ئالاقزادە بولۇشۇپ كەتكەن، مۇقەددەس ئىتتىپاقتىكى دۆلەتلەرمۇ فرانسىيىدە يەنە بىر قېتىم ئىنقىلاب پارتلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئاگاھلاندۇرۇش قىلغان. لۇئى ⅩⅧ 1816يىل 9-ئاينىڭ 5-كۈنى پالاتانى تارقىتىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە كېيىنكى نەچچە يىلدا بىرقەدەر مۆتىدىل سىياسەت يۈرگۈزگەن.

تەڭرى تىنچلىقى

  • تەڭرى تىنچلىقى[يەشمىسى:] نېمىس يېزىقىدىكى Landfrieden دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان بولۇپ، مەنىسى ئامانلىق ساقلاشتىن ئىبارەت. ئوتتۇرا ئەسىردە گېرمانىيىدە بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە فېئوداللارنىڭ شەخسىي ئۇرۇشۇشىنى مەنئى قىلىش، بەزى جايلاردا (مەسىلەن، چېركاۋ، بازار قاتارلىقلار) ۋە بەزى كىشىلەر ( مەسىلەن، سودىگەرلەر، مىسسىئونېرلار قاتارلىقلار) نىڭ دەخلىسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى كېلىشمى-لەرن-ى كورۇل ۋە ئىمپېرىيە پارلامېنتى ئېلان قىلاتتى. بۇنىڭدا فېئوداللىق بۇلاڭچىلىقنى چەكلەپ، سودىنى قوغداپ، پادىشاھ ۋە بەگلىكلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان، 1103-يىلى كورۇل ھېنرى Ⅳ «تەڭرى تىنچلىقى» نى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان. 1495-يىلى بىر قىسىم بەگلىكلەر «تەڭرىنىڭ مەڭگۈلۈك تىنچلىقى» دېگەننى ئېلان قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. لېكىن ئەمەلگە ئاشمىغان.

تەڭشەش پەرمانى

  • تەڭشەش پەرمانى[يەشمىسى:] تولۇق نامى «پومېشچىكلار بىلەن دېھقانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش پەرمانى». 1811-يىلى پرۇسسىيە باش ۋەزىرى خاردېنبېرگ جاكارلىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: پومېشچىكلار بىرنەچچە ئەۋلاد تىرىكچىلىك قىلغان دېھقانلارنىڭ ئىگىلىگەن قورۇقلارنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشىغا ماقۇل بولۇشى، ئەمگەك قىلىپ بېرىش ھېسابىغا ئىجارىگە بېرىش ۋە باشقا دائىملىق يەر ئىجارىسىنى بىكار قىلىشقا ماقۇل بولۇشى كېرەك. لېكىن دېھقانلار ئىگىلىگەن پۈتۈن يېرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ياكى ئىككىدىن بىر قىسمىنى پومېشچىكلارغا ئايرىپ بېرىشى ياكى يىلدا تاپشۇرىدىغان ھەقنىڭ 25 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغان پۇلنى بىر قېتىمدا تاپشۇرۇشى كېرەك. 1816-ۋە 1850-يىللىرى يەنە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ بۇ پەرماننىڭ قوشۇمچە بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىنىپ، دېھقانلارنىڭ فېئوداللىق سېلىقىنى كۆتۈرۈۋېتىش دائىرىسى يەنىمۇ چەكلەنگەن.

تەلئەت

  • تەلئەت[يەشمىسى:]Talāt Pasha،1872 — 1921). 1913 — 1918-يىللاردىكى ياش تۈرك پارتىيىسى ھۆكۈمىتى «ئۈچ ھاكىم»نىڭ بىرى. نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان، ياش ۋاقتىدا پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى بولغان ھەمدە ياش تۈرك پارتىيىسىگە كىرگەن. 1913-يىلى ياش تۈرك پارتىيىسى سىياسىي ئۆزگىرىش ياساپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ پارتىيىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتىگەن. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئەنۋەر، كاماللار بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيەپەرەس سىياسەت يۈرگۈزۈپ، تۈركىيىنى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشتۇرغان. ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1921-يىلى بېرلىندا قەتل قىلىنغان. 

تەلۋىلەر

  • تەلۋىلەر[يەشمىسى:]«غەزەپلىكلەر» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى يېزىلاردىكى نامرات ئەمگەكچى ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رادىكال سىياسىي مەزھەپ. «تەلۋىلەر» گىروندىچىلارنىڭ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ قويغان نامى. رەھبەرلىرىدىن جاككىئۇس رۇخ، ۋارلېت قاتارلىقلار بار. ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى قاتتىق جازالاپ، ھايانكەش سودىگەرلەرگە زەربە بېرىش، مال باھاسىنى ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلەپ، مال-مۈلۈكنى تەڭ تەقسىم قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئاشلىقنى ئومۇميۈزلۈك سېتىۋېلىش قاتارلىق تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1793-يىلى پارىژ، لىئان قاتارلىق جايلاردا ئىنقىلابىي سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بارغان ھەمدە گىروندىچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇش قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتناشقان. ياكوبىن دىكتاتۇرىلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مۇھىم بىر ئىجتىمائىي كۈچ بولۇپ، كېيىن ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھايانكەش سودىگەرلەرگە تاقابىل تۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك تېرورلۇق سىياسەت يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلىقتىن، ياكوبىنچىلار بىلەن كەسكىن توقۇنۇشۇپ قالغان. 1793-يىلى كۈزدە باستۇرۇلغان.

تەمتەكلىك سودا

  • تەمتەكلىك سودا[يەشمىسى:] ياپونىيىدىكى موروماچى دەۋرىدە مىڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن كېمىلەر تەمتەك ئېلىپ مىڭ سۇلالىسى بىلەن قىلىدىغان ھۆكۈمەت تەرەپ سودىسى. ماللار تارتۇق بۇيۇملار، قوشۇمچە بۇيۇملار ۋە كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ تارتۇق قىلىدىغان بۇيۇملىرى دېگەن ئۈچ خىلغا بۆلۈنگەن. مىڭ سۇلالىسى خانى تارتۇققا ياندۇرۇق قىلغان. قوشۇمچە بۇيۇملار سىياگۈنلەر، ئىبادەتخانىلار ۋە چوڭ فېئوداللارنىڭ ماللىرىنى، شۇنىڭدەك سودىگەرلەرنىڭ ماللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇ سودىنىڭ ئاساسىي قىسمى بولغان. كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ تارتۇق قىلىدىغان بۇيۇملىرىنى مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى باھا قويۇپ سېتىۋالغان. 1404-يىلى (ياپونىيىدىكى يىڭيۇڭنىڭ 11-يىلى، مىڭ سۇلالىسى يۇڭلېنىڭ 2-يىلى) 4-ئايدا، مىڭ سۇلالىسى ئەلچىسى جاۋ جۇرېن ياپونىيىگە بېرىپ، 100-نومۇرلۇق تەمتەك ۋە «ياپون» بەلگىلىك تىزىملىكنى شوگناتقا تاپشۇرغان (يەنە بىر 100-نومۇرلۇق تەمتەك ۋە «ياپون» بەلگىلىك تىزىملىك بىلەن «كۈتەك» بەلگىلىك بىر تىزىملىك بېيجىڭدىكى مۇراسىم ۋازارىتىدە ساقلانغان، يەنە بىر «كۈتەك» بەلگىلىك تىزىملىك جېجياڭنىڭ پەرمانبەردارىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن). شۇ يىلى 7-ئايدا، مىڭ سۇلالىسى ئەلچىسى ۋەتەنگە قايتقاندا، ئاشىكاگو راھىب مىڭشى فەنلياڭنى ئاپىرىپ قويۇشقا ئەۋەتكەن. بۇ بىرىنچى قېتىملىق تەمتەكلىك سودا. 1410-يىلغىچە تەمتەكلىك سودا ئالتە قېتىم ئېلىپ بېرىلغان. 1419-يىلدىن تارتىپ ئۈزۈلۈپ قالغان، 1432-يىلى (ياپونىيىدىكى يۇڭخېڭنىڭ 4-يىلى، مىڭ سۇلالىسى شۇەندېنىڭ 7-يىلى) غا كەلگەندە سودا يەنە ئەسلىگە كەلگەن؛ 1547-يىلى (ياپونىيىدىكى تيەنۋېننىڭ 16-يىلى، مىڭ سۇلالىسى جياجىڭنىڭ 26-يىلى) غىچە يەنە 11 قېتىم ئېلىپ بېرىلغان. ماللار ئىچىدىكى قىلىچ-نەيزىلەرنى مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى سېتىۋالغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گۈڭگۈرت، ساداق، مىس ۋە مىس قورال، يەلپۈگۈچ ۋە ھەل بېرىلگەن ئەسۋابلار بار. مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەڭگە پۇل بىلەن قەغەز پۇلنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنىنى قوللانغان. جۇڭگودىن ئېلىپ ماڭغان ماللارنىڭ ئىچىدە مىس تەڭگە، دورا ماتېرىياللىرى، خام يىپەك، فارفور قاچىلار، سۈرەت قاتارلىقلار بار. 1523-يىلى سودىنى ھۆددىگە ئالغان چوڭ فېئوداللار، ئوئوئۇچى كېمىلىرى بىلەن خوسوكاۋا كېمىلىرى يېتەكچى ئورۇننى تالىشىپ، نىڭبودا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇپ، ئامانلىققا تەسىر يەتكۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى چەكلەشكە مەجبۇر بولغان. قوشۇمچە بولىدىغان خۇسۇسلار سودىسى نىڭبودا ياكى بېيجىڭدىكى خۇيتۇڭگۇەندە ئېلىپ بېرىلغان. 1551-يىلى ئوئوئۇچى ئاكى ئۆلگەندىن كېيىن جۇجۇ يېغىلىقىدا، تەمتەكلىك سودا ئاخىر توختىتىلغان. 

تەنجۇن

  • تەنجۇن[يەشمىسى:] تولۇق ئاتىلىشى تەنجۇن ۋاڭ جيەن. ئەپسانىدىكى قەدىمكى چاۋشيەننىڭ دۆلەت قۇرغۇچىسىنىڭ نامى. تەنجۇن ھەققىدىكى رىۋايەت «قەدىمكى خاتىرە» ۋە «ۋېينامە» دىن كەلگەن، لېكىن بۇ ئىككى كىتاب يوقىلىپ كەتكەچكە كىتابنىڭ يېزىلغان ۋاقتى نامەلۇم. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كورىيىلىك راھىب يېرەن «ئۈچ دۆلەتكە دائىر ئىشلار» 1-تومىنىڭ قەدىمكى چاۋش-يەن دېگەن بابىدا نەقىل كەلتۈرگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: قەدىمكى زاماندا ئاسمان ئىلاھى خۇەن يىننىڭ ئوغلى خۇەن شيۇڭ پانىي دۇنياغا ئىنتىلىپ، ئالەمگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇپتۇ، خۇەن يىن ئۇنىڭغا تىلتۇمار بېرىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تەيبۇشەن تېغىدىكى ئىلاھىي سەندەل دەرىخى يېنىغا چۈشۈپتۇ، قىزغا ئايلانغان ئېيىق بىلەن توي قىلىپتۇ، ئېيىق قىز ھامىلىدار بولۇپ، ئوغۇل تۇغۇپتۇ، ئۇنىڭغا تەنجۇن ۋاڭجيەن دەپ نام قويۇپتۇ، جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسىدىكى ياۋشۇن تەختكە چىققاندىن كېيىنكى 50-يىلدا پىخنىيان شەھىرىنى پايتەخت قىپتۇ. دۆلەت نامىنى چاۋشيەن دەپ ئاتاپتۇ، كېيىن پايتەختنى بەييۇ تېغىدىكى ئاسىداغا كۆچۈرۈپتۇ. تەختتە 1500 يىل تۇرۇپتۇ، كېيىن ئاسىدادا تاغ ئىلاھىغا ئايلىنىپتۇ. 1908 يىل ئۆمۈر كۆرۈپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن رىۋايەت تارقىلىپ، تەنجۇن قەدىمكى چاۋشيەننىڭ ئاساسچىسى دەپ تونۇلغان.

تەۋفىق

  • تەۋفىق[يەشمىسى:]Mohammed Tewfik Pasha، 1852 — 1892) مىسىر خېتىپى (1879 — 1892). 1879-يىلى باش ۋەزىر بولۇپ، مەسلىھەت يىغىنىنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىغان. شۇ يىلى 6-ئايدا ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خېتىپ-لىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەنگلىيە، فرانسىيىنىڭ مىسىر مالىيەسىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى كېڭەيتكەن. 1882-يىلى 5-ئايدا ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ۋەتەن پارتىيىسى ئىچكى كابىنېتىنى ئېلىپ تاشلاپ، باش ۋەزى-ر بارۇدى (Barudi)نىۋەزىپىسىدىن قالدۇرغاندا، مىسىردىكى ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ بىردەك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 6-ئايدا ئىسكەندىرىيە پورتىغا قېچىپ بېرىپ، ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ «ھامىيلىقىنى» قوبۇل قىلغان. ئەنگلىيە قوشۇنلىرى قاھىرەنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئەنگلىيىنىڭ مىسىرغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدىكى قورچاق بولۇپ قالغان.

تەيزۇڭ ۋوليې خان

  • تەيزۇڭ ۋوليې خان[يەشمىسى:]803 —661) چاۋشيەن سىللا خانلىقىنىڭ پادىشاھى (654 — 661). فامىلىسى جىن، ئىسمى چۈنچيۈ، ئاتىسى جىنجى خاننىڭ ئوغلى جىنلۇڭچۈن (يەنە بىر ئىسمى جىن لۇڭشۇ). مىلادى 642-يىلى كوگۇرىيوغا ئەلچى بولۇپ بارغان. 647-يىلى ياپونىيىگە ئەلچى بولۇپ بېرىپ، داخې ئوردىسىدىكى سىللا خانلىقىغا قارشى كۈچلەرنى تىنچىتقان. 648-يىلى جۇڭگو تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى بولۇپ بېرىپ، ئەسكەر چىقىرىپ بىرلىكتە پېكچى دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئۆتۈنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە چوڭ ئوغلى جىن فامىن، ئىككىنچى ئوغلى جىن رىنۋىنلارنى كۆپ قېتىم تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ يىلنامىسىنى قوللىنىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى، تۈزۈمىنى كىرگۈزۈپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى يولغا قويغان ھەمدە تاڭ سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ كورىيە ۋە پېكچى دۆلەتلىرىنى باسقان. 654-يىلى، ئايال پادىشاھ جىندې ئۆلۈپ، مىراسخورى بولمىغانلىقتىن جىن گىڭشىن قاتارلىقلار تەرىپىدىن پادىشاھ قىلىنىپ ئولتۇرغۇزۇلغان. كېيىن سىللانىڭ خان جەمەتى، جىن گو تەۋەلىكىگە ئۆتكەن ھەمدە بەيبىشەدىن تۇغۇلغان چوڭ ئوغلى خانلىققا ۋارىسلىق قىلغان، 660-يىلى جىن فامىن، جىن گىڭشىن قاتارلىقلار بىلەن سىللا قوشۇنىنى باشلاپ تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ پېكچى دۆلىتىنى يوقاتقان. 661-يىلى يەنە تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ كوگ-ۇريوغا ھۇجۇم قىلىپ، يۈرۈش قىلىش يول ئۈستىدە كېسەل بولۇپ ئۆلگەندىن كېيىن «تەيزۇڭ ۋوليې خان» دېگەن نام بېرىلگەن.

تراسىمېنو كۆلى جېڭى

  • تراسىمېنو كۆلى جېڭى[يەشمىسى:] ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشىدىكى مۇھىم جەڭ. مىلادىدىن 217 يىل ئىلگىرى 6-ئايدا، گاننىبال كارفاگېن ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تراسىمېنو (Trasimenus) كۆلى ئەتراپىغا كەلگەن. رىم كونسۇلى گايۇفلامىنى تۆت كورپۇس، 30 مىڭغا يېقىن ئادەم باشلاپ كېلىپ جەڭگە كىرگەن، ئۇلار گاننىبالنىڭ پىستىرمىسىغا كىرىپ قېلىپ، ئۈچ تەرىپى تاغ، كەينى كۆل بولغان سايلىقتا پۈتۈنلەي دېگۈدەك ھالاك بولغان، فلامىنى ئۆلگەن. بۇ جەڭ گاننىبالنىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن.

ترافالگار تۇمشۇقى دېڭىز ئۇرۇشى

  • ترافالگار تۇمشۇقى دېڭىز ئۇرۇشى[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە فلوتى بىلەن فرانسىيە-ئىسپانىيە بىرلەشمە فلوتىنىڭ ئىسپانىيىدىكى ترافالگار تۇمشۇقى (Cape Trafalgar) ئەتراپىدا قىلغان دېڭىز ئۇرۇشى. 1805-يىلى كۈزدە، ئۈچىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق شەكىللىنىپ، ناپولېئون ئاۋسترىيىگە ھەربىي يۈرۈش قىلىشنى قارار قىلغان. 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، كادىس پورتىدا تۇرۇۋاتقان فرانسىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى ۋىللېنوۋ(Pierrede Villeneuve، 1763 — 1806) غا فرانسىيە-ئىسپانىيە بىرلەشمە فلوتى (فرانسىيە پاراخوتى 18، ئىسپانىيە پاراخوتى 15) غا قوماندانلىق قىلىپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا كىرىپ، نېئاپولغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئىتالىيىدىكى ئارمىيىسىنى ئىسكەنجىلەشنى بۇيرۇغان. 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، فرانسىيە-ئىسپانىيە فلوتى بىلەن نارسون قوماندان-لىق قىلغان ئەنگلىيە فلوتى (27 ئۇرۇش پاراخوتى) ترافالگار تۇمشۇقى ئەتراپىدا ئۇچرىشىپ جەڭ قىلغان. فرانسىيە-ئىسپانىيە بىرلەشمە فلوتى 20 گە يېقىن پاراخوتىدىن ئايرىلغان، ۋىللېنېئۇۋ ئەسىرگە چۈشكەن. ئەنگلىيە فلوتى چىقىم تارتمىغان، بىراق نارسون ئەجەللىك يارىدار بولغان. بۇ قېتىمقى دېڭىز ئۇرۇشى ئەنگلىيىنى بىر ئەسىردىن كۆپرەك داۋام قىلغان دېڭىزدىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىغا ئىگە قىلغان.

ترانسىلۋانىيە

  • ترانسىلۋانىيە[يەشمىسى:]Transilvania) بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تارىخىي جاينىڭ نامى. قەدىمكى ئاھالىسى ئاساسەن گېتېلار بىلەن داسىلار. مىلادى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان، ئاھالىسى تەدرىجىي رىملاشتۇرۇلغان. Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا رىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغان. Ⅸ ئەسىردە ۋېنگرلار بېسىپ كىرگەن. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ۋېنگرىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلىپ، باش ۋالىيغا قاراشلىق رايون تەشكىل قىلىنغان. Ⅻ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ گېرمانلار كۆپلەپ كۆچۈپ كەلگەن. 1241-يىلى موڭغۇللارنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىشىغا ئۇچرىغان.1437 — 1438-يىللىرى كەڭ كۆلەملىك دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغان. 1526-يىلى موخاچ (Mohacs) جېڭىدە ۋېنگرىيە ئارمىيىسى تۈركىيە تەرىپىدىن يېڭىلگەن. 1541-يىلى ترانسىلۋانىيە تۈركىيەسۇلتانىغابويسۇنغان.1687-يىلى ئىسپانىيە خابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنغان. 1867-يىلدىن كېيىن ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1920-يىلى ئىمزالانغان «ترىئانون سۈلھ شەرتنامىسى» گە ئاساسەن، رومىنىيىگە قوشۇپ بېرىلگەن.

ترانسىلۋانىيە دېھقانلار قوزغىلىڭى

  • ترانسىلۋانىيە دېھقانلار قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] 1784—1785-يىللىرى ترانسىلۋانىيىدىكى رومىنىيە دېھقانلىرى بىلەن ۋېنگرىيە دېھقانلىرى ئاۋسترىيە ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە زۇلمىغا قارشى كۆتۈرگەن قوزغىلاڭ. ئاساسىي رەھبىرى ھورېئا(Horea، 1735 — 1785) قاتارلىقلار، شۇڭا ھورېئا قوزغىلىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1784-يىلى 10-ئايدا، قوزغىلاڭ ئالدى بىلەن مېستىياكېن كەنتىدە پارتلىغان ۋە ناھايىتى تېزلا زالاند رايونى ۋە خۇنېدوئارا قاتارلىق ناھىيىلەرگە كېڭەيگەن. قوزغىلاڭچىلار يەرلەرنى تەڭ تەقسىم قىلىپ بېرىش، ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش دېگەنگە ئوخشاش تەلەپلەرنى قويغان، كېيىن ئاۋسترىيە كورۇلى ئەسكەر ئەۋەتىپ قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلغان، 12-ئايدا قوزغىلاڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. ياندۇرقى يىلىنىڭ باشلىرىدا ئىمپېرىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن پاجىئەلىك تۈردە باستۇرۇلغان، 2-ئايدا ھورېئا ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ ئاۋسترىيە كورۇلى جۇسېف Ⅱ نىڭ 1785-يىلىدىكى «ئىسلاھاتى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنى كۆچۈش ۋە كەسىپ تاللاش ئەركىنلىكىگە، شۇنىڭدەك كۆچمە مۈلكىنى ئەركىن ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلغان.

ترانسىۋال جۇمھۇرىيىتى

  • ترانسىۋال جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:] جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بۇرلار قۇرغان دۆلەت. ۋائال دەرياسى بىلەن پوئوپو دەرياسى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ئەسلى ماتا بىلىئې قاتارلىق بەنتو مىللەتلىرىنىڭ ئولتۇراقلاشقان رايونى ئىدى. 1835-يىلى بورلار كاپې مۇستەملىكىسىدىن بۇ رايونغا «كۆچۈش» كە باشلىغان. ئۇلار يەرلىك ئاھالىلەرنى دەھشەتلىك قىرغان ۋە قوغلىۋەتكەن. ئىلگىرى-كېيىن پوتچېفسروم (Potchefstroom) قاتارلىق جايلاردا بىرنەچچە كىچىك جۇمھۇرىيەت قۇرغان. 1849-يىلى تارقاق ئىتتىپاق قۇرغان.1852-يىلى ساند (Sand) دەرياسى يىغىنىدا ئەنگلىيە ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. 1857-يىلى ترانسىۋال جۇمھۇرىيىتى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. مارتىنوس ۋېسسېل پرېتورىئۇس(Marthinus Wessels Pretorius، 1819 — 1901) زۇڭتۇڭ بولغان. ئورانگې ئەركىن شتاتى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن، زولۇلارغا قارشى توختىماي جەڭ قىلغان ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالغان. 1877-يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1880 — 1881-يىللىرىدىكى ئۇرۇشتا ئەنگلىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، مۇستەقىللىكنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1899 — 1902-يىللىرىدىكى ئەنگلىيە-بور ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان. 1910-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ قالغان.

ترانې

  • ترانې[يەشمىسى:]Marcus Mфller Thrane، 1817 — 1890) نورۋېگىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى يولباشچىسى. دەسلەپكى يىللاردا لىلېخاممېر(Lillehammei) دا خۇسۇسىي مەكتەپ ئاچقان. كېيىن گېرمانىيە ۋە فرانسىيىگە بارغاندا، خىيالىي سوتسىيالىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، 1848-يىلى «دراممېن يەرلىك خەۋەرلەر گېزىتى» نىڭ تەھرىرى بولۇپ، ياۋروپا ئىنقىلابىنى كەڭ تەشۋىق قىلغان. شۇ يىلى12-ئاينىڭ 27-كۈنى دراممېندا نورۋېگىيە بويىچە تۇنجى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنى قۇرغان. كېيىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ، 273 ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى قۇرغان، مونارخىيىلىك تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئومۇمىي سايلامنى يولغا قويۇش ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1849-يىلى «دراممېن يەرلىك خەۋەرلەر گېزىتى» نىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، باشقىدىن «ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى گېزىتى» نى چىقارغان ھەمدە ئاممىۋى خاراكتېرلىك نامايىش ئۇيۇشتۇرغان. 1851-يىلى يازدا ئىنقىلابقا قۇتراتقۇلۇق قىلدى، ھۆكۈمەتكە قارشى تۇردى، دەپ قولغا ئېلىنغان، 1855-يىلى تۆت يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، 1858-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 1863-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ، سوتسىيالىستىك تەرغىبات ئىشى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان.

تراۋگۇت

  • تراۋگۇت[يەشمىسى:]Romuald Traugutt، 1826 — 1864) پولشادىكى1863-يىل قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئىلگىرى روسىيە ئارمىيىسىدە ئىشلىگەن.1863-يىلى 10-ئايدىن 1864-يىلى 3-ئايغىچە، قوزغىلاڭچىلار ھۆكۈمىتىدە تراۋگۇت دىكتاتۇرىسىنى ئورناتقان. ئۆزى ئاقلار پارتىيىسىگە مەنسۇپ، لېكىن قىزىل پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېرىغۇچىلاردا يەر بولۇش توغرىسىدىكى پروگراممىسى (1863-يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلىنغان) نى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن چار پادىشاھ تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ترايان

  • ترايان[يەشمىسى:]Marcus Ulpius Crinitus Trajanus، مىلادى 52 ياكى 53 — 117) قەدىمكى رىم پادىشاھى (98 — 117). ئىسپانىيىدىكى ئىتالىكا (Italica) دا تۇغۇلغان. ھەربىي سەپكە كىرىپ، شەرق ۋە گېرمانىيىگە قىلىنغان ھەربىي يۈرۈشلەرگە قاتناشقان. مىلادى 91-يىلى كونسۇل بولغان، 97-يىلى يۇقىرى گېرمانىيە باش ۋالىيسى بولغاندا پادىشاھ نېرۋا ئۇنى ئاسراندى ئوغۇل قىلىۋالغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە مالىيەنى ئىسلاھ قىلغان، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، يول، پورت ۋە شەھەر قاتارلىقلارنى ياساتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، زېمىنىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتكەن. 101 — 106-يىللىرى، داكىيە(ھازىرقى رومىنىيە ئەتراپلىرى) گە ئىككى قېتىم بېسىپ كىرىپ، ئىستېلا قىلغاندىن كېيىن مەمۇرىي ئۆلكە تەسىس قىلغان؛ غەلىبىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن رىم شەھىرىدە مىسلىسىز كۆلەمدە چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئورناتقان «تۆھپە خاتىرە تۈۋرۈكى» ھازىرغىچە ساقلانماقتا. 113-يىلى شەرققە يۈرۈش قىلىپ ئەرمېنىيىنى ئىشغال قىلغان، جەنۇبتا تىگرىز دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پارفىيە (ئارساك) نىڭ پايتەختى كتېسفون (115) نى ئىشغال قىلغان، پارس قولتۇقىغا يېتىپ بارغان؛ بۇ مەزگىلدە رىم ئىمپېرىيىسى زېمىنى ئەڭ چوڭ بولغان. ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرى رايونىدا رىمغا قارشى قوزغىلاڭ پارتلىغان، قايتىش سەپىرىدە كىچىك ئاسىيادىكى كىلىكىيە (Cilicia) دە ئۆلۈپ كەتكەن. ۋارىسى بولمىغاچقا، ھادرىئان پادىشاھ بولغان.

ترايان تۈۋرۈكى

  • ترايان تۈۋرۈكى[يەشمىسى:]«تۆھپە خاتىرە تۈۋرۈكى» كە قاراڭ. 

ترايلوك

  • ترايلوك[يەشمىسى:]Trailok) تولۇق ئىسمى برومو ترايلوكانات (Boromo Trailokanat). تايلاندتىكى ئايۇتىئا سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى (1448—1488). تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىچكى ئىشلار تارماقلىرى بىلەن ھەربىي تارماقلارنى ئايرىۋەتكەن، ئىچكى ئىشلار تارماقلىرىنى بەش بۆلۈمگە ئايرىپ، مەركەز بىلەن جايلار مەمۇرىيىتىنى، ئەدلىيە، مالىيە، دېھقانچىلىق ۋە ئوردا ئىشلىرىنى ئايرىم-ئايرىم باشقۇرغان. شۇنىڭدەك «ئوردا قانۇنى» نى جاكارلاپ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى ۋە مۇكاپات-جازالارنى بەلگىلىگەن. شۇنداقلا «تەبىقە بويىچە يەر بېرىش قانۇنى» نى يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە يەرلەرنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئالغان؛ ئاقسۆڭەكلەر، ئەمەلدارلارغا دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بويىچە يەر بەرگەن، ئەڭ كۆپ بولغانلىرىغا 4000 «لەي» (ھەر بىر لەي تەخمىنەن 1600 كۋادرات مېتر) يەر بەرگەن، دېھقانلارنىڭ ھەر بىرىگە ئاران 35 لەي يەر بەرگەن. سىرتقا قارىتا، شىمالدىكى چىڭمەي بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇش قىلغان، بىر مەھەل پايتەختىنى پىتىسانۇلوغا يۆتكىگەن ھەمدە مالايا يېرىم ئارىلىغا كېڭەيمىچىلىك قىلغان. 

ترنوۋو ئاساسىي قانۇنى

  • ترنوۋو ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:]1879-يىلى روسىيە ھەربىي ئىشغالىيەتچى دائىرىلىرى بۇلغارىيە كىنەزلىكىگە تۈزۈپ بەرگەن ئاساسىي قانۇن. 1878-يىلى 7-ئايدىكى «بېرلىن شەرتنامىسى» بۇلغارىيە كىنەزلىكىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە كىنەزلىك چېگرىسىنى تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى، روسىيىنىڭ كىنەزلىكنى ئىدارە قىلىش مۇددىتىنى ئىككى يىلدىن توققۇز ئايغا قىسقارتقانلىقىنى بەلگىلىگەن. روسىيە ھۆكۈمىتى كىنەزلىكنىڭ مەمۇرىي ئاپپاراتلىرىنى تەشكىللەپ، قانۇنشۇناس سېرگېي لۇكىئانوۋ (Сергей Лукианов) نى «تەركىب تېپىش قانۇنى» تەييارلاشقا ئەۋەتىپ، ئۇنى بۇلغارىيە پارلامېنتىنىڭ ماقۇللىشىغا تاپشۇرغان. 1879-يىلى 2-ئايدا، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىشغالىيەتچى ئوفىتسېرى دونلۇكوۋ-كورساكوۋ (Александр Михайловнч Донлуков Корсаков)ترنوۋو (Тырново) دا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى چاقىرىپ، بۇ لايىھىنى تەكشۈرۈپ مۇھاكىمە قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۇنى «ترنوۋو ئاساسىي قانۇنى» دەپ ئۆزگەرتىپ ئاتىغان. ئاساسىي قانۇن بۇرژۇئا مۈلۈكچىلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، كاپىتالىزمنىڭ بۇلغارىيىدە ئەركىن تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تروپپاۋ يىغىنى

  • تروپپاۋ يىغىنى[يەشمىسى:] مۇقەددەس ئىتتىپاق قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئىككىنچى يىغىن. 1820-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاۋسترىيىگە قاراشلىق سېلسىيىدىكى تروپپاۋ (Troppau، ھازىرقى چېخوسلوۋاكىيىدىكى ئوپاۋا Opava) دا چاقىرىلغان. ئۇنىڭغا روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. 11-ئاينىڭ 19-كۈنى روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە ئىمزالىغان كېلىشىمنامىدە: ئۈچ دۆلەت ئىنقىلاب پارتلىغان دۆلەتكە رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپلا قوراللىق ئارىلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە، دەپ بەلگىلەنگەن ھەمدەمالدىكى چىڭمەي بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇش قىلغان، بىر مەھەل پايتەختىنى پىتىسانۇلوغا يۆتكىگەن ھەمدە مالايا يېرىم ئارىلىغا كېڭەيمىچىلىك قىلغان. 

ترنوۋو ئاساسىي قانۇنى

  • ترنوۋو ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:]1879-ي19-يىلىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1909-يىلى لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدە ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە بىلەن گېرمانىيە-ئاۋسترىيە گۇرۇھى ئارىسىدا ئەھۋالغا بېقىپ ئىش كۆرۈش سىياسىتىنى قوللانغان. 1916-يىلى 8-ئايدا، روسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقچىلىرى تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتنىشىش كېلىشىمىگە قول قويغان. 1919-يىلى ۋېنگرىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە قارشى قوراللىق مۇداخىلىگە قاتناشقان. 1924-يىلى رومىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلغان. شۇ يىلى تاتار بۇنارى قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 

تروتىسكى

  • تروتىسكى[يەشمىسى:]Лев Давидович Троцки، 1879 — 1940) ئەسلى ئىسمى لېۋ داۋىدوۋىچ برونشتېين. سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى، تروتسكى گۇرۇھىنىڭ باشلىقى. ئۇكرائىنا خېرسون ئوبلاستىدىكى باي يەھۇدىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. نىكولايېۋ ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1897-يىلى «جەنۇبىي روسىيە ئىشچىلار ئىتتىپاقى» نى ئۇيۇشتۇرغان. ئىككىنچى يىلى قولغا ئېلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان. 1902-يىلى تروتىسكى دېگەن ئىسىم بىلەن لوندونغا قېچىپ بېرىپ، «ئىسكىرا گېزىتى» گە ماقالە يېزىپ تۇرغان. 1903-يىلى 7-ئايدا روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ 2-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. شۇ يىلى 9-ئايدا جەنۋەدە ئېچىلغان مېنشېۋىكلارنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان. 1905-يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە، پېتېربۇرگ ئىشچىلار ۋەكىللىرى سوۋېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1907-يىلى لوندوندا ئېچىلغان روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ 5-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، «ئارىلىقتىكىلەر» مەيدانىدا تۇرغان. 1912-يىلى «ئاۋغۇست ئىتتىپاقى» نى تەشكىللەپ، لېنىن ۋە بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە قارشى تۇرغان. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ، رايون بىرلەشمىچىلىرىگە قاتناشقان ھەمدە رايون بىرلەشمىچىلىرى بىلەن بىللە بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرىپ، ئىلگىرى-كېيىن مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، پېتروگراد ئىشچى-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتىنىڭ رەئىسى ۋە مەركىزىي سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى بولۇپ، برېست سۈلھىسىنى ئىمزالاشقا قارشى چىققان، 1918-يىلى قۇرۇقلۇق-دېڭىز ئارمىيىسى خەلق كومىسسارى ۋە جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. كېيىن يەنە قوشۇمچە قاتناش خەلق كومىسسارى (1920 — 1921) بولغان. 1920-يىلى 11-ئايدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسى مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش قوزغاپ، لېنىن ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەتكە قارشى تۇرغان. 1923 — 1924-يىللىرى لېنىننىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ۋاپاتىدىن پايدىلىنىپ، «46 لەر باياناتى» نى ئېلان قىلىشنى كۈشكۈرتكەن ھەمدە «ئۆكتەبر ساۋاقلىرى» دېگەن ماقالىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە لېنىنىزمغا ھۇجۇم قىلىپ، قۇرۇقلۇق-دېڭىز ئارمىيىسى خەلق كومىسسارلىقى ۋە ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىدىن قالدۇرۇلغان. 1924-يىلى 5-ئايدا ئىجارىگە بېرىش ئىشلىرى ھوقۇقلۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئېلېكتر-تېخنىكا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە سانائەت پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1926-يىلى زىنوۋيېۋ قاتارلىقلار بىلەن پارتىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن. 1927-يىلى پارتىيىگە قارشى «83 لەر پروگراممىسى» ۋە «ئۆكتىچىلەر پروگراممىسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ يىلى 11-ئايدا پارتىيىدىن چىقىرىلغان. 1929-يىلى 1-ئايدا چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1932-يىلى 2-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت تەۋەلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان. 1938-يىلى 9-ئايدا پارىژدا «تۆتىنچى ئىنتېرناتسىئونال»، («دۇنيا سوتسىيالىزمى ئىنقىلابىي پارتىيىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى تەشكىللىگەن. 1940-يىلى 8-ئايدا مېكسىكىدا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن. «سىياسىي ۋەزىپىلىرىمىز»، «سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە ئىنقىلاب»، «ئۆكتەبر ئىنقىلابى»، «ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

تروتسكىچىلار

  • تروتسكىچىلار[يەشمىسى:] ئەسلىدە روسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى لېنىنىزمغا قارشى بولغان، تروتسكى باشچىلىقىدىكى سىياسىي گۇرۇھ بولۇپ، كېيىن چۈشكۈنلىشىپ خەلقئارالىق ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھقا ئايلىنىپ كەتكەن. 1917-يىلى 8-ئايدا بولشېۋىكلار پارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ مەركىزىي كومىتېتىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، لېنىننىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى لۇشيەنىگە قارشى تۇرغان ھەمدە سوۋېت كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى ۋە ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ھەرقايسى ئەللەردىكى ياچېيكىلىرى ئىچىدە مەزھەپچىلىك پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، تروتسكىچىلىقنى لېنىنىزم ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولغان. لېنىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، زىنوۋيېۋ، كامېنېۋ قاتارلىقلار بىلەن بىللە شېرىكلىشىپ، تروتسكى-زىنوۋيېۋ پارتىيىگە قارشى ئىتتىپاقنى ئۇيۇشتۇرغان. 1927-يىلى سوۋېت كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە سوۋېت كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى 15-قۇرۇلتىيى تروتسكى ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقارغان. 1929-يىلى تروتسكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ئۇ چەت ئەلدە داۋاملىق ئەكسىلئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. 1938-يىلى 9-ئايدا پارىژدا «دۇنيا سوتسىيالىزمى ئىنقىلابىي پارتىيىسى» ناملىق خەلقئارا تروتسكىچىلار تەشكىلاتى، يەنى «تۆتىنچى ئىنتېرناتسىئونال» نى قۇراشتۇرۇپ چىققان. دائىم ئىنتايىن سول قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، «دۇنيا ئىنقىلابى» دېگەننى بازارغا سېلىپ، جامائەتچىلىكنى ئازدۇرۇپ، جاھانگىرلىك ۋە ھەر-قايسى ئەللەر ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ پرولېتارىيات ئىنقىلابىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىكى ئەكسىيەتچىل قورالغا ئايلىنىپ قالغان.

تروتسكىزم

  • تروتسكىزم[يەشمىسى:] لېنىنىزمغا قارشى، «سول» ئىبارىلەر بىلەن نىقابلانغان ئاغمىچىلىق. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا روسىيىدە مەيدانغا كەلگەن، ئۇنىڭ ۋەكىلى تروتسكى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇ، تروتسكىنىڭ «ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب قىلىش نەزەرىيىسى» نى ماركسىزملىق ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب قىلىش نەزەرىيىسىنىڭ ئورنىغا قويغان. دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، پرولېتارىياتنىڭ بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئىنقىلابىيلىقى ۋە ئىشچى-دېھقانلار ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، دېموكراتىك ئىنقىلاب باسقۇچىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، بىۋاسىتە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىشچى-دېھقانلار دېموكراتىك دىكتاتۇرىسىنى ئورنىتىشقا قارشى تۇرغان. سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، لېنىننىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنىڭ ئالدى بىلەن بىر مەملىكەتتە غەلىبە قىلىش مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى تەلىماتىغا قارشى تۇرۇپ، پرولېتارىيات دۇنيا ئىنقىلابىنىڭ ئومۇميۈزلۈك پارتلاش مەزگىلىنى كۈتۈپ تۇرغاندىلا، سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، دېگەننى تەرغىپ قىلغان. ئىنقىلاب غەلىبە قىلغاندىن كېيىن يەنە بىر دۆلەتتە سوتسىيالىزم قۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، پرولېتارىيات ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، جەزمەن دېھقانلار بىلەن «دۈشمەنلىشىپ» قالىدۇ، دەرھال «دۇنيا ئىنقىلابى» قوزغالغاندىلا غەلىبە قىلغان سوتسىيالىستىك دۆلەت مۇستەھكەملىنەلەيدۇ، دەپ ھېسابلىغان. روسىيە ۋە دۇنيا ئىنقىلابىدا ناھايىتى يامان تەسىر پەيدا قىلىپ، لېنىن، ستالىن ۋە ھەرقايسى ئەللەر ماركسىزم، لېنىنىزمچىلىرىنىڭ چوڭقۇر تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىغان.

تروشۇ

  • تروشۇ[يەشمىسى:]Louis Jules Trochu، 1815 — 1896) فرانسىيىلىك ھەربىي. دەسلەپكى يىللاردا ھەربىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان. ئالجىرىيىنى بويسۇندۇرۇش يولىدىكى مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشىغا، روسىيىدىكى قىرىم ئۇرۇشىغا ۋە ئاۋسترىيىدىكى سولفېرىنو (Solferino) جېڭىگە (1859) قاتناشقان، ھەربىي ئىشلاردىكى تۆھپىسى بىلەن گېنېراللىققا كۆتۈرۈلگەن. قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتابىدا ۋەزىپە ئۆتىگەندە، «1867-يىلدىكى فرانسىيە ئارمىيىسى» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ قالاق ھالىتىنى پاش قىلغان، فرانسىيە ئارمىيىسىنى گېرمانىيىچە ئۇسۇل بىلەن ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان. 1870-يىلى پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، پارىژ شەھەر مۇداپىئە قوماندانى بولغان. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، پارىژ شەھەر مۇداپىئەسىگە قارىتا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتقان، ئاخىر تەسلىم بولغان. 1871-يىلنىڭ باشلىرىدا مىللىي پارلامېنتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، 1873-يىلى سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان. ئۇنىڭ يەنە «سېنا ۋىلايەتلىك زاسېداتىللار ئۆمىكىگە ئىمپېرىيە ۋە پارىژنىڭ مۇداپىئەسى ھەققىدە سۆھبەت»، «ھەقىقەت ۋە ئادالەت يولىدا»، «سىياسىي ۋە پارىژ قورغىنى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ترويا

  • ترويا[يەشمىسى:]Troia ياكى Troy) ئىلىئوم (Ilium) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەدىمىي شەھەر، ھازىر تۈركىيىدىكى ھىسارلىك (Hissarlik) تا. ئۇنىڭ ئورنى ھېللېسپون بىلەن ئېگېي دېڭىزى تۇتاشقان جايغا يېقىن بولۇپ، مۇھىم جايغا جايلاشقان. قەدىمكى يۇنان رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە، تېئۇسېر (Teucer) بۇ يەردە تۇنجى پادىشاھلىقنى قۇرغان. پرىئام (Priam) سپارتا خانىكىسى ھېلېن (Helen) نى ئالداپ ئېلىپ كەتكەنلىكتىن يۇنانلىقلارنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يۇنانلىقلار ئاخىر «ياغاچ ئات ھىيلىسى» بىلەن ترويانى قولغا چۈشۈرگەن. گومېر داستانى «ئىلىئادا» دا يۇنان بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ مېكناينىڭ پادىشاھى ئاگامېمنومنىڭ قوماندانلىقىدا، ترويانى قورشىۋالغان ئونىنچى يىلدىكى بىر باسقۇچلۇق جەڭ بايان قىلىنغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە گېرمانىيە ئارخېئولوگى سلىيېمان ۋە دورېفېلد (Dorpfeld) ترويا خارابىسىنى قېزىپ نۇرغۇنلىغان قەدىمىي يادىكارلىقلار ۋە ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملىرىنى تاپقان، بۇ ئېگېي مەدەنىيىتىنىڭ تۇنجى قېتىم تېپىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئارخېئولوگىيىلىك مۇۋەپپەقىيەت يۇنان رىۋايەتلىرى ئىچىدە مەلۇم راست تارىخىي تەركىبلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «ترويا ياغاچ ئېتى» غا قاراڭ.

ترويا ياغاچ ئېتى

  • ترويا ياغاچ ئېتى[يەشمىسى:] «ياغاچ ئات ھىيلىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى يۇنان رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ترويا (كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەدىمىي شەھەر) شاھزادىسى پارس ئىلاھىنىڭ ياردىمى بىلەن، سپارتا پادىشاھى مېنېلائۇسنىڭ خوتۇنى ھېلېننى ئالداپ ئېلىپ كەتكەن. مىكناي پادىشاھى ئاگامېمنون (مېنېلائۇسنىڭ ئاكىسى) قوماندانلىق قىلغان يۇنان يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن تروياغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ توققۇز يىلغىچە ئۇنى ئالالمىغان، ئونىنچى يىلى ئىككى تەرەپ ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان بولسىمۇ (گومېرنىڭ تارىخىي داستانى «ئىلىئادا» دا ئونىنچى يىلدىكى بىر باسقۇچلۇق جەڭ بايان قىلىنغان)، يەنىلا غەلىبە بىلەن مەغلۇبىيەت ئايرىلمىغان. يۇنانلىقلار ئارمىيىسىدىكى «ئەقىل كۆرسەتكۈچ» ئودىسسىئۇسنىڭ كۆرسەتكەن ھىيلىسىنى قوللىنىپ، بىر تۈركۈم خىل ئەسكەرلەرنى يوغان ياغاچ ئاتنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ، شەھەر سىرتىغا قويۇپ قويۇپ، ئاندىن يالغاندىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ كەتكەن. ترويالىقلار ياغاچ ئاتنى ئولجا قاتارىدا شەھەرگە ئېلىپ كىرگەن. ئاتنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋالغان ئەسكەرلەر كېچىدە چىقىپ شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىۋەتكەن، ئەسلى چېكىنىپ كەتمىگەن يۇنان ئەسكەرلىرى گويا كەلكۈندەك بېسىپ كىرگەن، شۇنىڭ بىلەن ترويا شەھىر ئاخىرى قولدىن كەتكەن (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅻ ئەسىردە). ھازىرقى ۋاقىتتا دائىم دۈشمەن تەرەپنىڭ لاگېرىغا ئەسكەر (ياكى پايلاقچى) يوشۇرۇپ قويۇپ، ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن ماسلىشىپ ئىش قىلىش ھىيلىسىگە تەقلىد قىلىنىدۇ. «ترويا»غا قاراڭ.

ترويېس شەرتنامىسى

  • ترويېس شەرتنامىسى[يەشمىسى:] يۈز يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەنگلىيە-فرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ 1420-يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ترويېس شەھىرى (Toroys، فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدا) دە تۈزگەن شەرتنامە. 1415-يىلى 10-ئايدا ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅴ ئازىنكور جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئاندىن كېيىن يەنە پارىژ ۋە لوئىرې دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايونلارنى ئىشغال قىلىۋالغان. فرانسىيىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تىزگىنلەش ئۈچۈن، ھېنرى فرانسىيە خانىكىسى ئىسابېلا ۋە بۇرۇندى كىنەزى فىلىپپې (ياخشى ئادەم) نى ئاغرىپ قالغان فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅵ گە ۋەكالىتەن بۇ شەرتنامىنى ئىمزالاشقا قىستىغان. شەرتنامىدە: فرانسىيە تەخت ۋارىسى چارلېس (كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى چارلېس Ⅶ) نىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ ئەنگلىيە-فرانسىيە ئىككى دۆلەت بىرلىكتە بىر كورۇلنى قوللاش، ھېنرى فىرانسىيە تەخت ۋارىسى بولۇش؛ چارلېس Ⅵ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ھېنرى نائىبلىق قىلىش، ھېنرى چارلېس Ⅵ نىڭ قىزى كاتېرىنانى ئەمرىگە ئېلىش بەلگىلەنگەن. تەخت ۋارىسى چارلېس بۇنى رەت قىلىپ، فرانسىيىنىڭ جەنۇبىغا چېكىنگەن.

ترۇجىللو

  • ترۇجىللو[يەشمىسى:]Rafael Leonidas Trujillo Molina، 1891 — 1961) دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1930 — 1938، 1942 — 1952)، مۇستەبىت. 1918-يىلى ئەسكەرلىككە كىرگەن. ئامېرىكا ئىشغالىيىتى دەۋرىدە (1916 — 1924) ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىملىرىدا تەربىيىلەنگەن. 1927-يىلى مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنى باشقۇرغۇچى قوماندان بولغان. 1930-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا «سايلىنىپ»، دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى تىزگىنلەشكە باشلىغان. 1932-يىلى «گېنېراللىسسموس» دېگەن ئۇنۋانغا ئىگە بولغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە، ئىشچىلار ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرغان، سىياسىي رەقىبلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغان، بارلىق ئۆكتىچى تەشكىلاتلارنى تارقىتىۋەتكەن، «دومىنىكا پارتىيىسى» گە تايىنىپ فاشىستىك ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. 1937-يىلى ئىش ئىزدەپ چېگرىدىن كىرگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ھايتىلىقنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قىرغۇزغان. كېيىن يەنە كۇبا، گۋاتېمالا، كوستارىكا ۋە كارىپتىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ماجىراغا ئارىلىشىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن مەملىكەت ئىچىدىكى خەلقنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. 1961-يىلى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن. 

ترۇخزېس

  • ترۇخزېس[يەشمىسى:]Truchseb Von Waldburg، 1488—1531) گېرمانىيىدىكى سۋابېن ئىتتىپاق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى. 1524 — 1525-يىللاردىكى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشىنى باستۇرغان جاللات. سۋابېن ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىدىن چىققان. سۋابېندا دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەكسىيەتچى قوراللىق كۈچلەرنى يۆتكىۋالغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغان. 1525-يىلى 4-ئايدا سۋابېندىكى قوزغىلاڭنى باستۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە لەشكەر باشلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، 1526-يىلى 6-ئاينىڭ باشلىرىدا فرانكونىيىدىكى قوزغىلاڭنى ئۇجۇقتۇرغان.

ترۇمېن

  • ترۇمېن[يەشمىسى:]Harry S. Truman، 1884 — 1972) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1945 — 1952). دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. مىسسۇرى شتاتىدىكى فېرمىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ بانكا خىزمەتچىسى بولغان، كېيىن يۇرتىغا قايتىپ دېھقانچىلىق مەيدانىنى باشقۇرغان.بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1934-يىلى ئالىي پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1945-يىلى 1-ئايدا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى رۇزۋېلت كېسەل بىلەن ۋاپات بولۇپ، ئورنىغا زۇڭتۇڭ بولغان. 7-ئايدا پوتىسدام يىغىنىغا قاتناشقان. 8-ئايدا ياپونىيىگە ئاتوم بومبىسى ئىشلىتىشنى تەستىقلىغان. 1947-يىلى 3-ئايدا «ترۇمېنىزم» نى تۈزۈپ ۋە ئۇنى يولغا قويۇپ، گرېتسىيە ۋە تۈركىيىنىڭ خەلق قوراللىق كۈرىشىنى باستۇرۇشقا ياردەم بەرگەن. 6-ئايدا «مارشالل پىلانى» نى يولغا قويۇپ، «كوممۇنىزم كېڭەيمىچىلىكى» نىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئاپئاشكارا جاكارلىغان. 1949-يىلى يەنە بىر نۆۋەت زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. ئۇ، «تۆتىنچى پىلان» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ يىلى «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىنامىسى» نى تۈزگەن. 1950-يىلى چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان ھەمدە دېڭىز-ھاۋا ئارمىيىسىنى ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ زېمىنى تەيۋەننى بېسىۋالغان. ئىچكى جەھەتتىن «كوممۇنىستلارنىڭ ئاغدۇرمىچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نى باھانە قىلىپ، خەلقنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلىرىغا دەخلى-تەرۇز كەلتۈرىدىغان خىلمۇ خىل پەرمانلارنى يولغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا «ئادىللىق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش»، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە خالىس ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولۇپ چىققان. ئۇنىڭ: «ھەل قىلغۇچ بىر يىل»، «سىناق ۋە ئۈمىدلىك بىر يىل»، «پۇقرا ئەپەندى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ترۇمېنىزم

  • ترۇمېنىزم[يەشمىسى:] ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترۇمېننىڭ 1947-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى دۆلەت خېتىدە ئوتتۇرىغا قويغان تاشقى سىياسەت پروگراممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ، كوممۇنىزم «ئەركىن دۇنيا ۋە ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا»، ئامېرىكا «بەزى» دۆلەتلەرنى قايتا گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت «ۋەزىپە» نى ئۈستىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتى بار دەپ جاكارلاپ، ئامېرىكا پارلامېنتىدىن 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ گرېتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىپ، خەلق ئىنقىلابى ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا ياردەم كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا ئۇرۇشتىن كېيىن ئەنگلىيە، فرانسىيىنىڭ زەئىپلەشكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەنگلىيە، فرانسىيە تەسىر كۈچىنى سىقىپ چىقىرىپ، ئوتتۇرا شەرقنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتكەن. ئۇ، ئەينى زاماندا «مارشالل پىلانى» بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنىڭ سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىش سىياسىتىنىڭ ئاساسىنى ھاسىل قىلغان.

ترۇناد جايا ئۇرۇشى

  • ترۇناد جايا ئۇرۇشى[يەشمىسى:]ⅩⅦ ئەسىردىكى ترونادجايا (Trunodjojo ياكى Trunadjaya) رەھبەرلىكىدىكى ياۋا خەلقىنىڭ گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى قوراللىق كۈرىشى. ترۇنادجايا مادېيرا پادىشاھىنىڭ جىيەنى بولۇپ، ئۆزىنى ماجاپاخت پادىشاھىنىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتاپ، ماجاپاخىتنىڭ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، گوللاندلارنى قوغلاپ چىقىرىش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1674-يىلى مادېيرادا قوراللىق قوزغىلاڭ قوزغىغان. كېيىن ياۋاغا يۈرۈش قىلىپ ماتارامنىڭ پايتەختىنى ئېلىپ، بانتام ۋە ماكاسار خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، شەرقىي ياۋانىڭ پۈتكۈل دېڭىز قىرغىقى رايونلىرىنى ئازاد قىلغان. كېدىرى دېگەن جايدا قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ باش شتابىنى قۇرغان. شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ماتارام پادىشاھى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، 1679-يىلى 12-ئايدا قوزغىلاڭنى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرغان. ترونادجايا ئەسىرگە چۈشۈپ، كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن.

ترېبىزوند ئىمپېرىيىسى

  • ترېبىزوند ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:] ئەھلىسەلىپنىڭ 4-قېتىملىق شەرققە تاجاۋۇز قىلىشى مەزگىلىدە (1202 — 1204) ۋىزانتىيىلىكلەر (گرېكلار) 1204-يىلى كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قارا دېڭىز رايونىنى بويلاپ قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. ترېبىزوند Trebizond]، ھازىرقى ترابزون (Trabzon)[ نى پايتەخت قىلغان. فېئوداللىق تەپرىقىچىلىق دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەنلىكتىن، 1214-يىلى رۇم سۇلتانلىقىغا بېقىنغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1461-يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە قوشۇلۇپ كەتكەن.

ترېد-يۇنئونىزم

  • ترېد-يۇنئونىزم[يەشمىسى:] ئىشچىلار ئۇيۇشمىچىلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى بۇرژۇئازىيە ئىسلاھاتچىلىق پىكىر ئېقىمى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئالدى بىلەن ئەنگلىيە ئىشچىلار بىرلەشمىسىدە شەكىللەنگەن. شۇ چاغدا، ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيىسى كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلىۋاتقان ئىشچىلار ھەرىكىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن، ئىشچىلار ئىچىدىكى ئاز سانلىق يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنى يۇقىرى مائاش بىلەن ئۆزىگە تارتىپ، ئۇلارنى بۇرژۇئازىيە مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئىشچى ئاقسۆڭەكلەرگە ئايلاندۇرۇپ، ئىشچىلار ئاممىسىغا ئىسلاھاتچىلىقنىڭ زەھىرىنى تارقىتىپ، ئىشچىلارنىڭ ئويغىنىشىغا ۋە ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ راۋاجلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان. ترېد-يۇنئونىزم — ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ سېتىۋېلىش سىياسىتى بىلەن لىبېرالىزم سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا ئىشچىلار بىرلەشمىسى رەھبەرلىرى ئىجرا قىلغان ئوڭ ئاغمىچىلىق لۇشيەنىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇنداق: ئىشچىلار سىنىپىنىڭ كۈرىشىنى تار ئىقتىسادىي كۈرەش دائىرىسىدە چەكلەپ قويۇپ، ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ بىردىنبىر نىشانى پەقەت كاپىتالىستىك تۈزۈمنى قوغداش شەرتى ئاستىدا ئىشچىلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنىلا ياخشىلاپ، ئىش ھەققىنى كۆپەيتىش ۋە ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت دەپ ھېسابلاش «بىر كۈن ھەققانىي خىزمەت قىلىپ، بىر كۈنلۈك ئادىل ئىش ھەققىگە ئىگە بولۇش كېرەك» دېگەننى تەرغىپ قىلىش، سىنىپىي مۇرەسسەچىلىكنى كۆككە كۆتۈرۈپ، بۇرژۇئازىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى ۋە كاپىتالىستلار بىلەن مەسلىھەتلىشىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى تەشەببۇس قىلىش، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى ۋە ئەمگەك قانۇنىنى چىقىرىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقىلا قوشۇلۇپ، كاپىتالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇش يولىدىكى سىياسىي كۈرەشنى ۋە زورلۇق ئىنقىلابىنى ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرۇش. ترېد-يۇنئونىزم پىكىر ئېقىمىنىڭ غەربىي ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى تەسىرى بىر قەدەر زور. ئۇدگېر (George Odger، 1820 — 1877)، بېرت (Thomas Bert، 1837 — 1922) قاتارلىقلار ئۇنىڭ ۋەكىلى ئىدى. بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال مەزگىلىدە ماركس ئەنگلىيىنىڭ ترېد-يۇنئونىزمچىلىرىغا قارشى قەتئىي كۈرەش ئېلىپ بارغان.

ترېست مەسىلىسى

  • ترېست مەسىلىسى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ترېستنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تەۋەلىك مەسىلىسى. ترېست (Trieste) ئادرىياتىك دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقى، ئىسترىيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. ئۇ جەنۇبىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئادرىياتىك دېڭىزىغا ئۆتىدىغان مۇھىم پورت ھېسابلىنىدۇ. شەھەر رايونىدا تۇرىدىغان ئاھالە ئاساسەن ئىتالىيانلار، شەھەر رايونىنىڭ سىرتىدا تۇرىدىغانلار سلوۋېنىيىلىكلەر (Словения) دىن ئىبارەت. ئەسلىدە بۇ جاي ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولغان. 1920-يىلى ئىتالىيە ترېست ۋە ئىسترىيە يېرىم ئارىلىنى بېسىۋېلىپ، بۇ ئىككى جاينى بىرلەشتۈرۈپ ئىتالىيىنىڭ بىر ئۆلكىسى قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە ترېستنى بىر مەھەل ئىشغال قىلىۋالغان. يۇگوسلاۋىيە پارتىزانلىرى ترېستنى ئازاد قىلىپ سلوۋېنىيە ھۆكۈمىتىنى قۇرغان. 1947-يىلى ئىتالىيىگە قارىتا سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىنىپ، ترېست ئەركىن رايونى قۇرۇش بەلگىلەنگەن ھەمدە بۇ رايوننى A، B رايون قىلىپ ئىككىگە ئايرىغان، A رايون شەھەر ۋە پورتنىڭ شىمالىي يېرىم قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىغا قاراشلىق بولغان، B رايون تەخمىنەن 527 كۋادرات كىلومېتر كېلىدىغان شەھەر سىرتىدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يۇگوسلاۋىيىگە قاراشلىق بولغان. 1954-يىل 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ئىتالىيە ۋە يۇگوسلاۋىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت لوندوندا يارىشىش مېموراندۇمى تۈزۈپ، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنى شىمالىي قىسىمدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىش، A رايوننى ئىتالىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئايرىپ بېرىپ، ئۇنى يەنىلا ئەركىن پورت قىلىشنى قارار قىلغان. B رايون يەنىلا يۇگوسلاۋىيىگە قاراشلىق بولغان. 1975-يىلى ئىتالىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە ترېسىت رايونىنىڭ پاسىلى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاپ، چېگرا رايونلىرىنى سەل-پەل رەتكە سالغان.

ترېنتو دىنىي يىغىنى

  • ترېنتو دىنىي يىغىنى[يەشمىسى:] كاتولىك دىنىنىڭ ترېنتو (Trento، شىمالىي ئىتالىيىدە) دا ئۆتكۈزگەن 19-قېتىملىق دىنىي يىغىنى. ۋاقتى 18 يىل داۋام قىلغان، گاھ ئۈزۈلۈپ، گاھ داۋام قىلىپ تۇرغان (1545 — 1547، 1551 — 1552، 1562 — 1563)؛ بۇ ئارىلىقتا يەنە بولۇگنادا (Bologna، شىمالىي ئىتالىيىدە) بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن (1547 — 1549). يىغىن دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش، كاتولىك دىنىنىڭ ئورنىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان. ئىيېزوئىتلار يىغىنىدا مۇھىم رول ئوينىغان. يىغىن ماقۇللىغان مۇھىم قارارلار مۇنۇلار: بارلىق پروتېستانتلارنى بىدئەت دەپ جاكارلاش؛ كاتولىك چېركاۋىنىڭ ئەقىدىلىرى ۋە رەسىم-قائىدىلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا، ئۇنىڭغا قاتتىق ئەمەل قىلىش شەرت؛ پاپا — چېركاۋنىڭ ئالىي نوپۇزى، ئۇنىڭ ئورنى دىنىي يىغىندىن ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك؛ «چەكلەنگەن كىتابلار مۇندەرىجىسى» نى تۇنجى قېتىم بېرىش، ئۇنى مۇرىتلارنىڭ ئوقۇشىنى مەنئى قىلىش؛ تېنولوگىيە شۆيۈەنى قۇرۇپ، پوپلارنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش ۋە باشقىلار. 

ترېنتىنو يەرلىك مىللىي بىرلىك ھەرىكىتى

  • ترېنتىنو يەرلىك مىللىي بىرلىك ھەرىكىتى[يەشمىسى:] ترېنتىنو (Trentino) رايونىدىكى ئىتالىيانلارنىڭ ئىتالىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇلۇپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان مىللىي بىرلىك ھەرىكىتى. 1866-يىلى ئىتالىيە پرۇسسىيىنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ۋېنېتسىيىنى قايتۇرۇۋالغان. لېكىن بىسمارك قارشى تۇرغانلىقتىن ترېنتىنو يەنىلا ئاۋسترىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئىتالىيىدە «مىللىي بىرلىك» نى ئىشقا ئاشۇرۇش، ترېنتىنونى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ قانات يايغان، ئىتالىيىنىڭ ھەر قېتىملىق ھۆكۈمەتلىرى ترېنتىنونىڭ تەۋەلىكىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ياۋروپادىكى باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەرگە ماسلىشىپ، مىللىي ھەرىكەتنى باسقان، ھەتتا باستۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1919-يىل 9-ئايدىكى «مۇقەددەس گېرمان شەرتنامىسى» گە ئاساسەن، ئىتالىيە ترېنتىنونى قايتۇرۇۋالغان. 

ترېۋېلىيان

  • ترېۋېلىيان[يەشمىسى:]George Macaulay Trevelyan، 1876 — 1962) ئەنگلىيە تارىخشۇناسى. تارىخشۇناس ماكائولېيىنىڭ نەۋرىسى. كىمبىرىج داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ كوماندىر بولغان. 1927 — 1940-يىللىرى كىمبىرىج داشۆسى يېقىنقى زامان تارىخى پەنلىرى بويىچە پروفېسسورلۇققا تەيىنلەنگەن. 1940-يىلى كىمبىرىج 1-مارت شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغان، 1951-يىلى پېنسىيىگە چىققان. ماكائولېينىڭ تارىخىي كۆزقارىشىغا ۋارىسلىق قىلىپ، تارىخ — پەلسەپە بىلەن شېئىرىي تۇيغۇنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشى دەپ ھېسابلاپ، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەدەبىي ئىپادىلەش كۈچى ئارقىلىق تارىخىي ۋەقەلەرنى تەسۋىرلىمەكچى بولغان. ئاساسلىق تارىخىي ئەسەرلىرىدىن «ستوئارت سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەنگلىيە»، «گارىبالدى بىلەن ئىتالىيىنىڭ بىرلىشىشى»، «كورۇلىۋا ئاننى تەختتىكى مەزگىلىدىكى ئەنگلىيە»، «لورد گېدېي فراۋتوننىڭ تەرجىمىھالى»، «ئەنگلىيە جەمئىيىتىنىڭ تارىخى» ۋە «ئەنگلىيە تارىخى» قاتارلىقلار بار. 

ترېيچكې

  • ترېيچكې[يەشمىسى:]Heinrich von Treitschke، 1834 — 1896) گېرمانىيە تارىخشۇناسى. لېيپسىگ داشۆسى ۋە بونن داشۆسىدە ئوقۇغان. پرۇسسىيە ئىلمىي ئېقىمى ئەزالىرىنىڭ بىرى. 1866-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كىل ۋە ھېيدېلبېرگ داشۆلىرىدە تارىخشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. 1874-يىلدىن باشلاپ بېرلىن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1886-يىلىدىن باشلاپ پرۇسسىيە تارىخ ئەمەلدارى بولغان. 1871 — 1888-يىللىرى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتى ئارقىلىق گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن، پرۇسسىيە خاندانلىقىنىڭ قوراللىق كۈچ بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش سىياسىتىدە چىڭ تۇرغان. سوتسىيالىزمغا قارشى تۇرغان، ئىرقچىلىق ۋە شوۋېنىزمنى تەرغىپ قىلغان، كېڭەيمىچىلىكنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ «ⅩⅨ ئەسىردىكى گېرمانىيە تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

ترىبون

  • ترىبون[يەشمىسى:] پۇقرالارنى قوغدىغۇچى ئەمەلدار (Tribuni) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر خىل پەۋقۇلئاددە ئەمەلدارلىق تۈزۈمى. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئاددىي پۇقرالار بىلەن ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ، تەخمىنەن مىلادىدىن 494 يىل ئىلگىرى ئاددىي پۇقرالار بىرىنچى قېتىم رىمدىن چېكىنىپ چىققان، بۇنىڭدىن چۆچۈپ قالغان ئاقسۆڭەكلەر ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئىككى نەپەر خەلقنى قوغدىغۇچى ئەمەلدار سايلاپ چىقىشىغا قوشۇلغان. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەجبۇرىيىتى پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشتىن ئىبارەت. قەبىلىلەر قۇرۇلتىيى (تىرىبونلار قۇرۇلتىيى) دا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن ھەمدە قۇرۇلتاينىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. كېيىن بەش ئادەمگە كۆپەيتىلگەن. ئاندىن كېيىن يەنە 10 ئادەمگە كۆپەيتىلگەن. سايلام ئادەتتە ياز كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىپ، رىم كالېندارى بويىچە 12-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىي خىزمەتكە تەيىنلەنگەن، خىزمەت ئۆتەش ۋاقتى بىر يىل بولغان. كىشىلىك ھوقۇق دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىمىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا زىيارەت قىلىپ كەلگەن پۇقرالارنى قوبۇل قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە رىم شەھىرىدىن بىر كۈندىن ئارتۇق ئايرىلماسلىق، ھويلا ئىشىكلىرىنى ئېتىپ قويماسلىق بەلگىلەنگەن. ئۇلار سىنات ۋە ئالىي يولباشچىنىڭ (دىكتاتوردىن باشقا) قارارلىرىنى ياكى پەرمانلىرىنى، ئومۇمەن پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتىگە خىلاپ دەپ قارىسىلا، رەت قىلىش ھوقۇقىغا (ئىنكار قىلىش ھوقۇقى) ئىگە بولغان. بۇ خىل ھوقۇق پەقەت رىم شەھەر رايونى ۋە شەھەر ئەتراپىدىلا كۈچكە ئىگە بولغان. خەلقنى قوغدىغۇچى ئەمەلدارلىق تۈزۈمى جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى پۇقرالار بىلەن ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشلەردە ئاكتىپ رول ئوينىغان. سايلانغۇچىلار پۇقرالار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەزىدە ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىنمۇ پايدىلىنىپ كېتىلگەن. ئىمپېرىيىلىك تۈزۈم تىكلەنگەندىن (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا) كېيىن، ئىسمى بار، جىسمى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان.

ترىبۇ يىغىنى

  • ترىبۇ يىغىنى[يەشمىسى:]Comitia Tributa) يەنى «قەبىلە يىغىنى»، يەنە «پۇقرالار يىغىنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى رىم پۇقرالىرى يىغىنىدىن بىرى. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تەسىس قىلىنغان. دەسلەپ پۇقرالار قاتنىشىپ، پۇقرالارغا ئائىت مۇھىم ئىشلارنى، مەسىلەن، ترىبونلارنى سايلاشقا ئوخشاش ئىشلارنى قارار قىلغان؛ ترىبۇ (قەبىلە)نى بىرلىك قىلىپ ئاۋاز بەرگەن، ئۇنىڭ قارارلىرى پەقەت پۇقرالار ئۈچۈنلا چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولغان. پۇقرالارنىڭ تەسىرىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، كېيىن ئاقسۆڭەكلەرمۇ قاتناشقان، شۇنداق قىلىپ پۈتۈن رىملىقلارنىڭ پۇقرالار يىغىنىغا ئايلانغان. مىلادىدىن 287 يىل ئىلگىرى «ھورىتېنىسىئا قانۇنى» ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قارارلىرى سىناتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلمەيلا بارلىق پۇقرالار (جۈملىدىن ئاقسۆڭەكلەر) ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولغان، ئۇ رىم دۆلىتىدە دائىم رول ئوينايدىغان ئاپپارات بولۇپ قالغان. جۇمھۇرىيەتنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا رىمدا ترىبۇدىن تەخمىنەن يىگىرمىسى بولغان، كېيىن 35 كە كۆپەيگەن، ئاۋازغا قويغاندا يېرىم سان بولغان 18 دىن ئاشسا ماقۇللانغان. 

ترىپولى ئۇرۇشى

  • ترىپولى ئۇرۇشى[يەشمىسى:] يەنى «ئىتالىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى».

ترىدون

  • ترىدون[يەشمىسى:]Edmond Marie Gustave Tridon، 1841 — 1871) فرانسىيە ئىنقىلابچىسى، بلانكىچى. ئىككىنچى ئىمپېرىيە مەزگىلىدە، جۇمھۇرىيەتچىلىك ۋە سوتسىيالىزم ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. «مۆمىنلەر گېزىتى» ۋە «تەنقىد گېزىتى» نى چىقارغان. 1866-يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقان. ئارىدا قاماققا ۋە سۈرگۈنگە ھۆكۈم قىلىنغان. 1870-يىلى يوشۇرۇن ھالدا ۋەتىنىگە قايتىپ، 8-ئاينىڭ 14-كۈنى بلانكىچىلارنىڭ ئىككىنچى ئىمپېرىيىگە قارشى قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 4-سېنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، بلانكى بىلەن بىرلىكتە «ۋەتەن خەۋپ ئىچىدە» دېگەن گېزىتىنى چىقارغان ھەمدە 20-رايون مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1871-يىلى 2-ئايدا، مىللىي پارلامېنتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان؛ 3-ئاينىڭ 26-كۈنى كوممۇنا ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە مىللىي پارلامېنت ئەزالىقىدىن ئىستېپا بەرگەن. كېيىن كوممۇنا ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان، ئۇ ئاز سانلىقلارغا مەنسۇپ بولغان. «ماي قانلىق ھەپتىلىكى» كۈرىشىگە ئاكتىپ قاتناشقان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن بېلگىيىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ھەمدە شۇ يەردە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ «ھېبېرتچىلار»، «گروندى ۋە گروندىچىلار»، «1793-يىلدىكى پارىژ كوممۇنىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

ترىئوكالا

  • ترىئوكالا[يەشمىسى:]Triocala) ترىكالا (Tricala) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىتسىلىيە ئارىلىدىكى قەدىمىي شەھەر، قەلئە. شۇ ئارالنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تاغقا جايلاشقان، ئىككىنچى قېتىمقى سىتسىلىيە قۇللار قوزغىلىڭى (مىلادىدىن ئىلگىرى 104 — 101) نىڭ بازىسى ۋە قوماندانلىق مەركىزى. قوزغىلاڭچىلار باشلىقى سالۋىئۇس (Salvius) بىلەن ئاتېنىئون شەھەرنى ئۈچ يىل ساقلاپ تۇرغان، ئاخىر رىم ئارمىيىسى بېسىپ كىرىپ، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. 

ترىيانون سۈلھ شەرتنامىسى

  • ترىيانون سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئانتانتا دۆلەتلەر بىلەن ۋېنگرىيە تۈزگەن سۈلھ شەرتنامىسى. 1920-يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنى فرانسىيىنىڭ ۋېرسال شەھىرىدىكى تىرىيانون (Trianon) سارىيىدا ئىمزالانغان، شەرتنامە بويىچە، سلوۋېنسكو(Slovensko) بىلەن كارپاتىئان (Carpathian) نىڭ ئوكرائىنا رايونى چېخوسلوۋاكىيىگە ئايرىپ بېرىلگەن؛ كروتىيە (Croatia)، سلوۋېنىيە (Slovenia)، باچكا ۋە باناتىنىڭ غەربى يۇگوسلاۋىيىگە بۆلۈپ بېرىلگەن؛ ترانسىلۋانىيە (Transilwania) بىلەن باناتىنىڭ شەرقى رومىنىيىگە ئايرىپ بېرىلگەن، بۇرگېنلان ئاۋسترىيىگە بۆلۈپ بېرىلگەن. دوناي دەرياسىنى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر تىزگىنلىگەن. ئەسكىرى 30 مىڭ ئادەم بىلەن چەكلەنگەن. مەزكۇر سۈلھ شەرتنامە ۋېنگرىيىنى 70 پىرسەنتكە يېقىن زېمىنىدىن ۋە تەخمىنەن 50 پىرسەنت ئاھالىسىدىن مەھرۇم قىلغان. 

تكاچېۋ

  • تكاچېۋ[يەشمىسى:]Пётр Никитич Ткачёв 1844 — 1886). روسىيە ئەدەبىي تەنقىدچىسى، نارودنىك مۇتەپەككۇر. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن چىققان. 1862-يىلى ئەدەبىيات پائالىيىتىنى باشلىغان،دائىم «روسىيە سۆزى»، «ھەرىكەت» دېگەن ژۇرناللارغا ماقالە بېرىپ تۇرغان. ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، بىرنەچچە قېتىم قولغا ئېلىنغان. 1872-يىلى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1875-يىلى جەنۋەدە «سىگنال» دېگەن ژۇرنالنى چىقارغان ھەمدە فرانسىيىدىكى بلانكىچىلارغا يېقىنلاشقان. ئەدەبىي تەنقىد يولى بىلەن سىياسىي قارىشىنى ئىپادىلىگەن. چار پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىنى «مۇئەللەق راۋاق»، ئىجتىمائىي ئاساسى يوق، دەپ قارىغان؛ ئۇ يەنە ئىقتىساد قانچە تەرەققىي قىلغانسېرى، ئىنقىلابنىڭ غەلىبە قىلىش پۇرسىتى شۇنچە ئاز بولىدۇ دەپ قارىغان، ئاز ساندىكى زىيالىيلارنىڭ مەخپىي تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، زورلۇق كۈچ بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشنى تەشەببۇس قىلغان، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنقىلابىي رولىغا سەل قارىغان. «خەلق ئىرادىسى پارتىيىسى» نىڭ تېررورلۇق تاكتىكىسى ئۈچۈن ئىدىيىۋى ئاساس يارىتىپ بەرگەن. بەدىئىيلىك جەھەتتە، چاكىنا ماتېرىيالىزملىق قاراشتا تۇرغان. سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دەيدىغان نەزەرىيىگە ۋە ئەكسىيەتچى ئەدەبىي ئېقىمغا قارشى تۇرغان. ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. 

تكاسېنكو

  • تكاسېنكو[يەشمىسى:]P.D. Tcacenco، 1901 — 1926) رومىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى. تۆمۈريول ئىشچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابى ۋاقتىدا روسىيىدە قىزىل گۋاردىيىگە قاتناشقان؛ 1918-يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1921-يىلى رومىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1924-يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولغان. 1926-يىلى 8-ئايدا ئەكسىيەتچى دائىرىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 

تلانسىپادانۇ جۇمھۇرىيىتى

  • تلانسىپادانۇ جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:] ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا فرانسىيە ئىتالىيىدە قۇرغان جۇمھۇرىيەت. پۇ دەرياسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقانلىقتىن دەريانىڭ شىمالىدىكى جۇمھۇرىيەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1796-يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى ئىتالىيىدىكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، ئىتالىيىدە مىللىي ھەرىكەت دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. شۇ يىلى 12-ئايدا مىلان، برېسىيە (Brescia) ۋە باشقا شەھەرلەر بىرلىكتە تلانسىپادانۇ جۇمھۇرىيىتىنى تەشكىل قىلغان. فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنى تەقلىد قىلىپ، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق بولغان بەزى تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. 1797-يىلى 7-ئايدا كىسپادانۇ جۇمھۇرىيىتى بىلەن قوشۇلۇپ جەنۇبىي ئالىپ تېغى جۇمھۇرىيىتى بولغان. 

توبا-فۇشىمى ئۇرۇشى

  • توبا-فۇشىمى ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ ۋۇچېن يىلى ئۇرۇشىدىكى تۇنجى قېتىملىق جەڭ. ئوسېيفۇككو يارلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن، توكۇگاۋا يوشىنوبۇ ئوساكاغا قېچىپ بېرىپ قورال كۈچى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشكە تەييارلانغان. 1868-يىلى 1-ئاينىڭ (قەمەرىيە ھېسابى) باشلىرى 15 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ئوساكادىن كىيوتوغا ئەۋەتكەن. 3-كۈنى كىيوتونىڭ جەنۇبىدىكى توبا، فۇشىمى دېگەن يەرلەردە بۇ قوشۇن ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ 4500 كىشىلىك قىسمى بىلەن كەسكىن ئېلىشىپ، پاجىئەلىك مەغلۇپ بولغان. توكۇگاۋا يوشىنوبۇ بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئوساكادىن ئېدوغا قېچىپ كەتكەن. 

توپ نىكاھ جەمەتى

  • توپ نىكاھ جەمەتى[يەشمىسى:]Panaluan Family) قانداشلىق نىكاھ جەمەتىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن نىكاھ، جەمەت شەكلى. نادانلىقنىڭ يۇقىرى باسقۇچى (ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرى) دە بارلىققا كەلگەن، ئۇنىڭ قالدۇق تەسىرى ئۇزاق ساقلانغان. مۇئەييەن جەمەت دائىرىسىدىكى ئورتاق ئەر ۋە ئورتاق خوتۇن ئۇنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن خوتۇننىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى (دەسلەپتە بىۋاسىتە تۇغقانلىرى، كېيىن بىر نەۋرە ئاكا-ئۇكىلىرى) ھەم ئەرنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى بۇنىڭ سىرتىدا بولغان، يەنى ئاكا-ئۇكىلار ۋە ئاچا-سىڭىللار ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھ مۇناسىۋىتى خالاس قىلىنغان. جەزمەن جەمەت سىرتىدىكىلەر بىلەن نىكاھلىنىشقا توغرا كەلگەچكە، يەنە جەمەت سىرتىدىن نىكاھلىنىش دەپمۇ ئاتالغان ھەمدە مۇناسىپ تۇلاننىيىچە ۋە كانۆۋەننىيىچە تۇغقانچىلىق تۈزۈمى ئورنىتىلغان. توپ نىكاھ باسقۇچى دۇنيادىكى ھەممە مىللەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يولى بولغان. قەدىمكى زاماندىكى توپ نىكاھ مىسالىغا كەلسەك، نۇرغۇن ئىشەنچلىك ھۈججەت-ماتېرىياللار بار، يېقىنقى زاماندىكى ئاز ساندىكى ئارقىدا قالغان قەبىلىلەردە توپ نىكاھ ھازىرغا قەدەر ساقلانماقتا. ئامېرىكا ئېتنولوگى مورگان گاۋايلارنىڭ پۇنالۇئان نىكاھىنى توپ نىكاھنىڭ تىپىك شەكلى قىلغان، بۇنىڭدا بىر ئانىدىن تۇغۇلغان بىرقانچە ئاچا-سىڭىللار ياكى شىرەم تۇغقانلاردىن بولغان ئاچا-سىڭىللار ئۆزلىرىنىڭ بىرقانچە ئورتاق ئەرلىرىنىڭ ئورتاق خوتۇنلىرى بولغان.لېكىن بۇ ئورتاق ئەرلەر ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى چىقىرىۋېتىلگەن، بۇ ئەرلەر ئۆزئارا بىر-بىرىنى «پۇنالۇئان» (يېقىن شېرىكلىرىم دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتاشقان. ئوخشاشلا بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئاكا-ئۇكىلار ياكى بىر نەۋرە ئاكا-ئۇكىلار ئۆز ئاچا-سىڭىللىرىدىن باشقا بىرقانچە قىز بىلەن توي قىلىشقان. بۇ قىزلارمۇ بىر-بىرىنى «پۇنالۇئان» دەپ ئاتاشقان. كېيىنچىرەك بەزى ئالىملار مورگاننىڭ بۇ تەلىماتىغا باشقىچە قاراپ، ⅪⅩ ئەسىردىن ئىلگىرىكى گاۋايلار ياشىغان جەمئىيەت باسقۇچى نادانلىق دەۋرىدىن يۇقىرى بولغان، پۇنالۇئان نىكاھى توپ نىكاھنىڭ تىپىك مىسالى ئەمەس، بەلكى ئاتا جەمەت ئۇرۇقداشلىقى دەۋرىدىكى توپ نىكاھنىڭ قالدۇقى دەپ ھېسابلىغان. ئومۇمەن: توپ نىكاھ جەمەتى قانداشلىق نىكاھ جەمەتىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئۇرۇقنىڭ بارلىققا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا ئائىلە شەكلى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالماقتا.

توپېلىئۇس

  • توپېلىئۇس[يەشمىسى:]Zacharias Topelius، 1818 — 1898) فىنلاندىيە يازغۇچىسى. خېلسىنكى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغاندا، سنېلمان بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشكىلاتى — شەنبە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1847-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1842 — 1860-يىللىرى «خېلسىنكى بەخت گېزىتى» نىڭ تەھرىرى بولغان. 1856-يىلىدىن باشلاپ فىنلاندىيە تارىخىدىن لېكسىيە سۆزلەشكە رىياسەتچىلىك قىلغان. 1863 — 1878-يىللىرى خېلسىنكى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئىلمى پروفېسسورى بولغان. 1875 — 1878-يىللىرى ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى بولغان. ئەسەرلىرىدە رومانتىزم ۋە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى بولۇپ، بۇ، مىللىي ھەرىكەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن تارىخىي ھېكايە — «بىر ھەربىي دوختۇرنىڭ كەچۈرمىشلىرى»، «قىش كېچىسىدىكى ھېكايە» ۋە دەرسلىك — «مەملىكىتىمىز» قاتارلىقلار بار. 

توتېمىزم

  • توتېمىزم[يەشمىسى:] ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى دىن شەكىللىرىنىڭ بىرى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بەكمۇ تۆۋەن بولغان شارائىتتا، كىشىلەر تەبىئەت دۇنياسىنىڭ غەيرىي كۈچ-قۇدرىتىدىن ئاجىزلىق ھېس قىلىپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن ئوبيېكت ياكى ھادىسىلەرنى ئادەملەشتۈرۈپ، ياكى ئىلاھلاشتۇرۇپ، بۇلارغا چوقۇنغان. كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۇرمۇشى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بولغان قۇياش، ئاي، يۇلتۇز، تاغ-دەريا، تۇپراق، ئوت، تاش قاتارلىق نەرسىلەرنى چوقۇنۇش ئوبيېكتى قىلىپ، بۇنىڭغا يەنە دائىم بەلگىلىك مۇراسىملارنى قوشقان. ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ چوقۇنۇش ئوبيېكتلىرىمۇ ئوخشاش بولمىغان. ئالايلۇق، تېرىقچىلىققا مۇۋاپىق كېلىدىغان رايونلاردا تۇپراق ۋە دەريالار ئاساسلىق چوقۇنۇش ئوبيېكتى بولۇپ قالغان. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن سىنىپىي جەمئىيەتكە ئۆتۈش مەزگىلىدە تەبىئەتكە چوقۇنۇشتىكى بەزى ئوبيېكتلار بارا-بارا ئىجتىمائىي تۈس ئېلىپ، تەبىئىي ئىلاھلار ئادەملەشتۈرۈلگەن ئىجتىمائىي ئىلاھلارغا، ئالايلۇق، قۇياش ئىلاھى، سۇ ئىلاھى، تاغ ئىلاھى، ئوت ئىلاھى، چاقماق ئىلاھى قاتارلىقلارغا ئايلاندۇرۇلۇپ، ھۆكۈمران سىنىپلار تەرىپىدىن پايدىلىنىشقا باشلىغان. 

توتېمغا چوقۇنۇش

  • توتېمغا چوقۇنۇش[يەشمىسى:] ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ دەسلىپىدىكى دىن شەكىللىرىنىڭ بىرى. ئۇرۇقداشلىق جامائەسى بىلەن بىر ۋاقىتتا پەيدا بولغان. «توتېم» (totem) ئىندىئان تىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، «ئۇنىڭ ئۇرۇقى» دېگەن مەنىدە. بۇنىڭدا مەلۇم ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، تەبىئىي نەرسىلەر ياكى تەبىئەت ھادىسىلىرى توتېم قىلىنىپ ئېتىقاد قىلىنغان، لېكىن ھايۋاناتلار كۆپرەك توتېم قىلىنغان؛ ئۇ مەلۇم بىر ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ياكى تەبىئىي نەرسىلەرنىڭ يەككىسىنىلا كۆرسىتىپ قالماستىن، بەلكى بۇنداق نەرسە تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئىپتىدائىي ئادەملەر ئۆزىنىڭ توتېمى بىلەن ئۆز ئۇرۇقى ۋە قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇق-تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە مۇناسىۋەت بار دەپ ھېسابلاپ، توتېمنى ئۆزىنىڭ ئەجدادى دەپ قارىغان ياكى ئۇنى ئۆز ئۇرۇقىنىڭ ئالاھىدە ھامىيلىق قىلغۇچى خۇداسى قىلىۋالغان ھەمدە ئۇنى دائىم ئۇرۇق ۋە قەبىلىنىڭ بەلگىسى ھەم نامى قىلىۋالغان. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توتېمغا ئوبيېكت قىلىنغان ھەر خىل پەرھىز (ئۆلتۈرۈشنى مەنئى قىلىش، يېيىشنى مەنئى قىلىش، چېقىلىشنى مەنئى قىلىش) ۋە توتېمنىڭ سىمۋولى («توتېم تۈۋرۈكى» ياكى رەسىمدىكى توتېم تىلسىمى) بولغان سىرلىق كۈچكە ئېتىقاد قىلىش ۋەنەزىر-چىراغ قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. توتېمغا چوقۇنۇش ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى مەدەنىيەت-سەنئەت، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ھەم سىنىپىي جەمئىيەتكىچە داۋاملاشقان، مەسىلەن، قەدىمكى مىسىرنىڭ ھەرقايسى نوم (nom) لىرىدىكى توتېمغا ئېتىقاد قىلىش ۋە چوقۇنۇش ئەنە شۇنى كۆرسىتىدۇ.

توتىلا

  • توتىلا[يەشمىسى:]Totila، ؟ — 522) شەرقىي گوتلار پادىشاھى (541 — 552)، تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىتالىيىگە كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، ئەمىر-پەرمان جاكارلاپ، قۇللار ۋە مەدىكارلارنى قويۇپ بېرىپ، رىم ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، باج-سېلىق ۋە ھاشار-سەيسىنى ئازايتقان. قۇللار، مەدىكارلار ۋە شەھەر كەمبەغەللىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، مىلادى 542 — 551-يىللىرى ۋىزانتىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، دېگۈدەك پۈتۈن ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنى قايتۇرۇۋالغان، يەنە سىتسىلىيە، كورسىكا، ساردىنىيىلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن. ۋىزانتىيە پادىشاھى جۇستىنىئانۇس نارسېنى قوشۇن باشلاپ بېرىپ ياردەم قىلىشقا ئەۋەتكەن. 552-يىلى تاگىنائې (Taginae، قەدىمكى زاماندىكى بىر كەنت، ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان) ئۇرۇشىدا، توتىلا يارىلىنىپ ئۆلگەن. «شەرقىي گوت پادىشاھلىقى» غا قاراڭ. 

توجو ھىدېكى

  • توجو ھىدېكى[يەشمىسى:]1884 — 1948): ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1941 — 1944). قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى. ئۇرۇش جىنايەتچىسى. 1915-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1935-يىلى 9-ئايدا كانتون ئارمىيىسىنىڭ ژاندارما قوماندانى بولغان. 1937-يىلى 3-ئايدا كانتون ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خەلقنىڭ ياپونغا قارشى كۈرىشىنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرغان. «7-ئىيۇل» ۋەقەسىدىن كېيىن، قوشۇن تارتىپ جۇڭگونىڭ چېڭدې، جاڭجياكۇ، داتۇڭ قاتارلىق جايلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 1938-يىلى 5-ئايدا قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولۇپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى ئاكتىپلىق بىلەن كېڭەيتكەن. 1940-يىلى 7-ئايدا 2-، 3-نۆۋەتلىك كونوئى ئىچكى كابىنېتىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولۇپ، جۇڭگودىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە قارشى تۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1941-يىلى 10-ئايدا كابىنېت تەشكىل قىلغان، قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 12-ئايدا تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىنى قوزغىغاندىن كېيىن، يەنە قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى، مەمۇرىي ۋەزىر، سودا-سانائەت ۋەزىرى بولغان. 1943-يىلى 11-ئايدا ھەربىي لازىمەتلىكلەر ۋازارىتى قۇرۇلغاندا ئۆزى ۋەزىر بولغان. 1944-يىلى 2-ئايدا يەنە قوشۇمچە شتاب باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاكىممۇتلەقلىق يۈرگۈزۈپ، دۆلەت ئىچىدە ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلىشنى پىلانلىغان. كېيىنچە ئۇرۇش ۋەزىيىتى پايدىسىز بولۇشى تۈپەيلىدىن، مۇھىم ۋەزىرلەر بىلەن دېڭىز ئارمىيىسى قاتارلىقلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1944-يىلى 7-ئايدا ئىچكى كابىنېت يىقىلغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسى ئۇنى بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى ھېسابىدا قولغا ئالماقچى بولغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولۇپ، مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. 1948-يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بېرىلگەن. 

توچىسكىي

  • توچىسكىي[يەشمىسى:]Павел Варфоланеевич Точисский، 1864 — 1918) روسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەربابى. ئوفىتسېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ئىنقىلابىي ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسىنى تەشكىللىگەنلىكتىن، ئائىلىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ، ئوقۇشتىن توختاپ قالغان، 1884-يىلى پېتربۇرگتا ماركسىزم ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان. 1885-يىلى «پېتربۇرگ ئىشچى-خىزمەتچىلەر جەمئىيىتى» (يەنى توچىسكىي گۇرۇپپىسى) نى ئۇيۇشتۇرغان. 1888-يىلى قولغا ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنغان. 1905-يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە، موسكۋا دېكابر قوراللىق قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1917-يىل ئۆكتەبر ئىنقىلابى مەزگىلىدە، ئورال بېلورېتسكى شەھىرى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ھەربىي ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغان. 1918-يىلى 7-ئايدا سوتسىيال ئىنقىلابچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 

توخارىستان

  • توخارىستان[يەشمىسى:] يەنى «باكتېرىيە» گە قاراڭ.

توختاملىق قۇل

  • توختاملىق قۇل[يەشمىسى:] «توختاملىق ياللانما ئىشچى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅦ ئەسىردىن ⅩⅧ ئەسىرگىچە بولغان مەزگىلدە ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلىرىدە ئىشلىتىلگەن ئاق تەنلىك ئەمگەك كۈچى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن، ئۇلار نامراتلىق ۋە سىياسىي، دىنىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەنگلىيە مۇستەملىكىلىرىدىكى شىركەتلەر بىلەن توختام تۈزۈپ شىمالىي ئامېرىكىغا كېلىپ ئىشلىگەن. ئۆز ئىختىيارى بىلەن كەلگەنلىرى، مەجبۇرىي كەلگەنلىرىمۇ بار. كېيىنكىلەر جىنايەتچىلەر ۋە ئالدانغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار توختام بويىچە مۇستەملىكىچىلەر ئۈچۈن بىرقانچە يىل ئىشلىشى شەرت. ئەمگەك مۇددىتى ئوخشاش ئەمەس، ئادەتتە ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولۇپ، ئۇزۇنلىرىنىڭ ئون ئىككى يىلغا بارىدۇ. توختاملىق قۇللار مۇددىتى توشقاندىن كېيىن جىسمانىي ئەركىنلىككە ھەمدە بىرقانچە ئون ئىنگلىز موسى كېلىدىغان يەرگە ھەم بەزى تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئېرىشىدۇ. 

توخرىيلار

  • توخرىيلار[يەشمىسى:] مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جۇڭگونىڭ دۇڭخۇاڭ (دەشت ئاتا) بىلەن چىليەنشەن (قۇلانتاغ) تېغى ئارىلىقىغا جايلاشقان بىر كۆچمەن قەبىلە. تەخمىنەن مىلادىدىن 165 يىل ئىلگىرى ھونلارنىڭ قايۇق رۇشات تەڭرىقۇت (مىلادىدىن ئىلگىرى 174 — 161) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. ئۇلار تىيانشاننىڭ شىمالى ئارقىلىق ئىلى دەريا ۋادىسىغا بېرىپ، ساكلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ يېرىنى تارتىۋالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 161 يىل ئىلگىرى (خەن ۋېندىنىڭ خۇيۈەن 3-يىلى) يەنە ئاسىيۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، غەربتە ئوكسۇس دەرياسى (ھازىرقى ئامۇ دەرياسى) رايونىغا كۆچۈپ كەتكەن. مىلادىدىن 130 يىل ئىلگىرى باكتىرىيىنى بويسۇندۇرۇپ، ماۋرائۇننەھر (ئامۇ دەرياسى ۋە سىر دەرياسى ۋادىسى) نى كونترول قىلىۋالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 128 يىل ئىلگىرى (خەن ۋۇدىنىڭ يۈەنشۇ 1-يىلى)، جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە چىقىپ، مۇشۇ يەرگە بارغانىدى. «كېيىنكى خەننامە. غەربىي يۇرتلار تەزكىرىسى» دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، شۇ كەملەردە ئۆز تەۋەسىدە ۋاھان، سياماكا، كۇشان، يارۋان، كابۇلدىن ئىبارەت بەش بەگلىككە (قەبىلە باشلىقى) ئايرىلغان. مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، كۇشان بەگلىكىنىڭ بېگى كۇجۇلا كادىپس قالغان تۆت قەبىلىنى يۇتۇۋېلىپ، ئۆزى خان بولۇۋالغان ۋە كۇشانىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 

تورامانا

  • تورامانا[يەشمىسى:]Toramana،؟ — 502) تورامان (Toraman) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېفتالىتلار (ئابداللار) نىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانى. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېفتالىتلار ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى قەندىھار رايونىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ شۇ رايوننى باشقۇرىدىغان تېكىن (Tegin، يەنى باش ۋالىي) قىلىپ تەيىنلەنگەن. كېيىن ھەدەپ قوراللىق كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ھىندى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى توخرىلارنىڭ بەگلىكلىرىنى يوقاتقان. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ گۇپتا خاندانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى كەڭ زېمىنلارنى بويسۇندۇرۇۋالغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۆپچۆرىسىدە ھىندىستاننىڭ مالۋا (Malwa) رايونىغا بېسىپ كىرىپ، ھىندىستاننىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى بولۇپ قالغان. 

توربېك

  • توربېك[يەشمىسى:]Jan Rudolf Thorbecke، 1798 — 1872) گوللاندىيە باش ۋەزىرى (1849 — 1853، 1862 — 1866، 1871 — 1872)، قانۇنشۇناس. لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. ياش ۋاقتىدا گېرمانىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە قاتارلىق جايلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا لېكتور بولغان. 1848- يىلى نىدېرلاندىيە ئاساسىي قانۇنىنى تەييارلىغان. كورۇل ۋىليام Ⅲ(WilliamⅢ،1817 — 1890) نىڭ غەزەپ-نەپرىتىگە ئۇچراپ، كابىنېت تەشكىللەش بىرنەچچە قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغاندا سايلام، يەرلىك مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە پوچتا ئىشلىرىغا ئالاقىدار بولغان قانۇنلارنى تۈزۈپ چىققان ھەمدە ئەركىن سودا قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان؛ گوللاندىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى مۇستەملىكىلىرىدىكى قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان، لېكىن گوللاندىيىنىڭ يېزا ئىگىلىك تۈزۈلمىسىنى يەنىلا ساقلاپ قالغان؛ رىم كاتولىك دىنىنىڭ تەبىقە تۈزۈمىنى يېڭىباشتىن تۇرغۇزۇشنى تەستىقلىغان؛ شىمالىي دېڭىز قانىلىنى ئېچىپ، ئامستېردام بىلەن شىمالىي دېڭىزنى تۇتاشتۇرغان. «ئاساسىي قانۇنغا ئىزاھ» دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئەسەردە ئۆزىنىڭ گېرمانىيىلىك ئالىم فرېدرىخ كارل (Friedrich Karl Von Savigry، 1814 — 1875) نىڭ ھۈرلۈك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. 

توردېسىللاس شەرتنامىسى

  • توردېسىللاس شەرتنامىسى[يەشمىسى:] 1494-يىلى 6-ئايدا پورتۇگالىيە بىلەن ئىسپانىيە ئىسپانىيىنىڭ توردېسىللاس (Tordesillas) دېگەن شەھىرىدە ئىمزالىغان شەرتنامە. «پاپا مېرىدىئان سىزىقى» غا قاراڭ. 

تورېز

  • تورېز[يەشمىسى:]Maurice Thorez، 1900 — 1964) فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى (1930 — 1964). كان ئىشچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1919-يىلى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1920-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بۆلۈنگەندىن كېيىن، كوممۇنىستىك پارتىيىگە كىرگەن. 1924-يىلىدىن باشلاپ فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان، 1925-يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزاسى، 1930-يىلىدىن باشلاپ باش سېكرىتار بولغان. 1928—1935-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن ئىككى قېتىم كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان، كېيىن يەنە ئىجرائىيە كومىتېتى پرېزدىئۇم ئەزاسى بولغان. 1932 — 1939-يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. مەملىكەت ئىچىدىكى فاشىزمغا قارشى كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، خەلق سېپىنى تەشكىل قىلىش جەھەتتە مەلۇم رول ئوينىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئارمىيىگە قاتناشقان، كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1940-يىلى موسكۋاغا بارغان. 1944-يىلى مەملىكىتىگە قايتىپ كەلگەن. كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ قورال تاشلاپ، دې گولل بىلەن ھەمكارلىشىشىنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ يىلى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1945 — 1946-يىللىرى ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1946-يىلى مىللىي پارلامېنت ئەزاسى بولغان. ھۆكۈمەتتە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى (1945 — 1946) ۋە مۇئاۋىن زۇڭلى (1946 — 1947) بولغان. «خەلق ئوغلى»، «فرانسىيىگە سەۋەب بولغان ئۇلۇغ سىياسەت» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

تورى پارتىيىسى

  • تورى پارتىيىسى[يەشمىسى:] ئەنگلىيە پارتىيىسى. «تورى» (Tory) ئەسلىدە ئىرلاندىيە «قارا نىيەتچىلىرى» نى يەنى ئەنگلىيىگە قارشى تۇرىدىغان ئىرلاندىيىلىكلەرنى كۆرسىتەتتى. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا، جامېس Ⅱ نى قوللايدىغان بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىبى خۇيگلار تەرىپىدىن تورى دەپ ھاقارەتلىنىپ، ئۇ، بارا-بارا مۇشۇ گۇرۇھنىڭ رەسمىي ئىسمى بولۇپ قالغان. بۇلار ئەنگلىيە دۆلەت دىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىندارلىرى ۋە يەر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. كۆپ قېتىم كابىنېت تەشكىللىگەن. ⅪⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئامېرىكىنىڭ بەزى كونسېرۋاتىپ سىياسىي گۇرۇھلىرىمۇ بۇ ئىسىمنى داۋاملىق قوللانماقتا. 

تورىجوس

  • تورىجوس[يەشمىسى:]Omar Torrijos Herrera، 1929 — 1981) پاناما ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى (1972 — 1978)، مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى. يېزا ئوقۇتقۇچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سالۋادور مىللىي ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان. پەن ۋە ئەدەبىيات ماگىستېرى ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1952-يىلى پاناما مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىغا كىرگەن. ۋېراگۇئاس (Veraguas) ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ قوماندانى بولغان. 1968-يىلى 10-ئايدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغاندىن كېيىن، برىگادىرلىققا ئۆستۈرۈلگەن ھەمدە مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ قوماندانى بولغان. ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، سابىق ھۆكۈمەت بىلەن ئامېرىكا ئىمزالىغان قانال شەرتنامىسى توغرىسىدىكى ئۈچ لايىھىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 1969-يىلى 3-ئايدا گېنېرال مايورلىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1972-يىلى 9-ئايدا ھۆكۈمەت باشلىقى ۋە ئەڭ ئالىي رەھبەرلىككە سايلانغان. 1977-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كات بىلەن پاناما قانىلى يېڭى شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، 1903-يىلىدىكى شەرتنامىنى بىكار قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ قانال رايونىنى مەڭگۈ ئىگىلىۋېلىشتەك ئىمتىيازىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. يېڭى شەرتنامىنىڭ مۇددىتى 1999-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى توشىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن، پاناما قانال ۋە قانال رايونىنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇۋالىدۇ. 1981-يىلى 7-ئايدا ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا تاپقان. 

تورىئى ريۇزو

  • تورىئى ريۇزو[يەشمىسى:]1870 — 1953) ياپونىيىلىك ئانتروپولوگ، ئارخېئولوگ، ئەدەبىيات پەنلىرىنىڭ دوكتورى. توكۇشىما شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئانتروپولوگىيە كافېدراسىدا ئىشلىگەن. 1895-يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى، تەيۋەن، چىشىما (كۇرىل) ئاراللىرى، چاۋشيەن ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارخېئولوگىيىلىك ۋە ئانتروپولوگىيە ساھەلىرى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئاينۇلار، مانجۇلار، تەيۋەندىكى گاۋشەنلىكلەر ھەم تاش قوراللار دەۋرىدىكى ياپون (نىپپون) لار توغرىسىدىكى كۆپلىگەن تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىنى ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، كوكوگاكۇئىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئانتروپولوگىيە توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىگەن. تىسۇپوئى شۇگورودىن كېيىن توكيو ئانتروپولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان ھەم ئۆز ئالدىغا تورىئى ئانتروپولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنى قۇرۇپ، ياپونىيە ئانتروپولوگىيە ۋە ئارخېئولوگىيە ئاساسچىسى بولۇپ قالغان. 1939-يىلى جۇڭگوغا كېلىپ يەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس ئۆتكەن. 1951-يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن جۇچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئاساھى سىمبۇن نەشرىياتى 12 توملۇق «تورىئى ريۇزو ئەسەرلىرى» نى نەشىر قىلغان. 

توساكا

  • توساكا[يەشمىسى:]1900 — 1945) ياپونىيىلىك پەيلاسوپ. كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئوتانى ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور، سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكتور بولغان. دەسلەپتە يېڭى كانتىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، كېيىن ئاستا-ئاستا ماتېرىيالىزمغا مايىل بولغان. 1932-يىلى ماتېرىيالىزم تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، «ماتېرىيالىزم تەتقىقاتى» ناملىق ژۇرنالنى چىقارغان. 1938-يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ئۆلگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق «ئىلىم-پەن توغرىسىدا»، «ياپونىيە ئىدېئولوگىيىسى توغرىسىدا»، «ھازىرقى زامان ماتېرىيالىزمى توغرىسىدا نۇتۇق»، «بىلىش نەزەرىيىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. كېيىن 5 توملۇق «توساكا توپلاملىرى» چىقىرىلغان. 

توسا ۋاسساللىقى

  • توسا ۋاسساللىقى[يەشمىسى:] كوچى ۋاسسالى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ياپونىيە ئازۇچى موموياما دەۋرىدىن بۇيانقى مۇھىم بەگلىك ۋاسسال دۆلەتلەرنىڭ بىرى. يامائۇچى بىرىنچى ئەۋلاد ۋاسسال (1546 — 1605) ئىدى. توسا بەگلىكىگە ھازىرقى كوچى ناھىيىسىنىڭ يەرلىرى بىۋاسىتە قارايدۇ. توكوگاۋا شوگناتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ۋاسساللىق ھاكىمىيىتى ئۈستىدە پائال ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئەسكىرىي كۈچىنى زورايتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان، كۈچلۈك ۋاسساللار بىلەن بىرلىشىش ھەرىكىتى پىلانلانغان؛ مەھكىمىنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىپ، مەھكىمە گۇمران بولاي دېگەن پەيتىدە، ئوردا بىلەن مەھكىمىنىڭ ھەمكارلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، مەھكىمىگە قارشى قوراللىق كۈچ بىلەن جازا يۈرۈشى قىلىش يولىنى تۇتۇشقا قارشى تۇرغان. مىجى يىلىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈشتىن كېيىن، 1871-يىلى 11-ئايدا ئۇ كوچى ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 

توسكانا

  • توسكانا[يەشمىسى:]Toscana، ئىنگلىزچىدە Tuscany) ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى رايون. ئەسلىدە ئېترۇلار (Etrusci) ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا شەرقىي گوتلارغا بويسۇنغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە قارىغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا لومباردلار (Lombards) ئىشغال قىلغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا فرانك پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. Ⅸ ئەسىردە توسكانا بەگلىكىگە ئۆزگەرگەن. Ⅻ — Ⅺ ئەسىرلەردە توسكانادا بىر مۇنچە شەھەر دۆلەتلىرى، ئالايلۇق، فلورېنسىيە، لۇكا (Lucca)، سىنا (Sina)، پىسا(Pisa)، ئارېززو(Arezzo)، پىستويە(Pistoia) قاتارلىقلار شەكىللەنگەن. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنىڭ ئاخىرلىرىدا فلورېنسىيە مېدىچ (Medici) جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان. 1569-يىلى بۇ جەمەت كىنەزلىك ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇپ، توسكانا كىنەزلىكىنى قۇرغان. 1737-يىلى ئاۋسترىيە ھابىسبۇرگ خاندانلىقىغا تەۋە بولغان. 1860-يىلى ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن، ئىككىنچى يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.

توسكانىنى

  • توسكانىنى[يەشمىسى:]Arturo Toscanini، 1867 — 1957) ئىتالىيە ئوركېستىر دىرىژورى. پارمادا تۇغۇلغان. 1885-يىلى پارما مۇزىكا ئىنستىتوتىنى پۈتتۈرگەن. دەسلەپتە باش ئىسكىرىپكىچى بولغان. 1886-يىلى رىئو-دې-ژانېيرودا ئوپېراغا دىرىژورلۇق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، شۇنىڭدىن كېيىن مەخسۇس دىرىژور بولغان. مىلان راسكارا تىياتىرىدا دىرىژور بولغان. 1937-يىلىدىن 1954-يىلىغىچە نيۇ-يورك پايتەخت تىياتىرى، نيۇ-يورك مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى ئوركېستىر ئۆمىكى، ئامېرىكا رادىئو شىركىتى ئوركېستىرىدا دىرىژور بولغان. ئۇنىڭ ماھارىتى پىشقان بولۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، دىرىژورلۇق قىلغاندا دائىم نوتا ئىشلەتمىگەن. كىشىلەرگە مۇلايىم، ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇپ، ناتسىستلار گېرمانىيىسىدە ئويۇن قويۇشنى قەتئىي رەت قىلغان. 

تۇشپا

  • تۇشپا[يەشمىسى:]Tushpa) كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قەدىمكى شەھەر. ئورنى ھازىرقى تۈركىيىدىكى ۋان كۆلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ۋان (Van) شەھىرىگە توغرا كېلىدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن 1000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان، كېيىن ئورارتۇ پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 735 يىل ئىلگىرى ئاسسۇرىيە پادىشاھى تىگلات پالاسار Ⅲ نىڭ ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مىدىيە ۋە سىكتايلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن بۇيان، ئارخېئولوگلار بۇ شەھەرنىڭ خارابىسىنى قېزىپ، قەدىمكى قەلئە، قەدىمكى قەبرە ۋە قىيا تامغا ئويۇلغان غايەت زور ئويما يېزىق «خوخول يىلنامىسى» غا ئىگە بولغان. بۇ ئورارتۇنىڭ قەدىمكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

توغرۇلبېك

  • توغرۇلبېك[يەشمىسى:]Toghrul Beg، ؟ — 1063) سالجۇق ئىمپېرىيىسىنى قۇرغۇچى. سالجۇق تۈركلىرىنىڭ ئاقساقىلى سالجۇقنىڭ نەۋرىسى. 1040-يىلى دانداناچان (Dandanaqan، ھازىرقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مارى دېگەن يېرىنىڭ ئەتراپى) دا غەزنەۋىيلەرنىڭ سۇلتانى مەسئۇدنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىراننىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن ھەمدە غەربكە قاراپ ئىلگىرىلەپ ئىراقنى قولغا كىرگۈزگەن. 1055-يىلى بۇيې (Buyeh) خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، باغدادقا بېسىپ كىرىپ، ئابباسلار خاندانلىقىنىڭ خەلىپىسىنى ئۆزىگە سۇلتان ۋە «مەلكۇل مەشرىق ۋە مەغرىپ» دېگەن نامنى بېرىشكە مەجبۇرلاپ، سالجۇق ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان، رائى (Rai، ھازىرقى ئىراننىڭ شىمالىدا) نى مەركەز قىلغان. 

توقماقچىلار ھەرىكىتى

  • توقماقچىلار ھەرىكىتى[يەشمىسى:] 1645-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئەنگلىيىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا پارتلىغان دېھقانلارنىڭ قوراللىق ھەرىكىتى. توقماق قاتارلىقلارنى قورال قىلغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئاساسىي ئامما نامرات دېھقانلاردىن ئىبارەت بولۇپ، شەھەر ئاھالىسىمۇ قاتناشقان، ئەمما رەھبەرلىك ھوقۇقىنى بايلار تەبىقىسى ئىگىلىۋالغان. ئادەم سانى 50 مىڭ ئۆپچۆرىسىگە يەتكەن. ئورتاق سىياسىي پروگراممىسى يوق بولۇپ، خانپەرەسلەر پارتىيىسى بىلەن پارلامېنت ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ مال-مۈلكى ۋە ھاياتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خەلق ئاممىسىنىڭ فېئودالىزمغا قارشى كۈچى بولۇپ، ئوبيېكتىپ جەھەتتە يېڭى نەمۇنىلىك ئارمىيىسىنىڭ پادىشاھ ئارمىيىسىنى يېڭىشىگە ياردەم بەرگەن، ئەمما ئاخىرىدا پارلامېنت ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. 

توكوگاۋا شوگناتى

  • توكوگاۋا شوگناتى[يەشمىسى:] يەنى «ئېدو شوگناتى».

توكوگاۋا مىتسۇكۇنى

  • توكوگاۋا مىتسۇكۇنى[يەشمىسى:]1628 — 1700) ياپونىيىنىڭ ئېدو دەۋرىدىكى مىتو ۋاسساللىقىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد ۋاسسال بېگى. توكوگاۋا يودىفۇسا (1603 — 1661) نىڭ ئۈچىنچى ئوغلى. 1633-يىلى (كۇەنيۇڭنىڭ 10-يىلى) ئاتىسى ئۇنى ۋەلىئەھد قىلىپ بېكىتكەن.1657-يىلى (مىڭلىنىڭ 3-يىلى) ئېدودىكى ئوردىدا «بۈيۈك ياپونىيە تارىخى» نى تۈزۈشكە كىرىشكەن. 1661-يىلى (كۇەنۋىننىڭ 1-يىلى) ۋاسسال بەگنىڭ ئورنىغا چىققان. 1665-يىلى كۇەنۋىننىڭ 5-يىلى، چىڭ سۇلالىسى كاڭشىنىڭ 4-يىلى) جۇڭگولۇق كۇڭزىچى جۇ شۇنشۇي (1600 — 1682) نى تەكلىپ قىلغان. بۇ، مىتونىڭ ئۆگىنىش ئىستىلىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. ۋاسساللىقتا يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىلگەن، يۈكسەك سامورايلار ئىستىلى تىكلەنگەن، ئىبادەتخانا تۈزۈملىرى تەرتىپكە سېلىنغان. 1690-يىلى (يۇەنلۇنىڭ 3-يىلى) ئۆز ئورنىنى ئاكىسى تسونا ئېداغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. كېيىن ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى بايان قىلىنىدىغان كىتابلار چىققان.

توكوگاۋا نارىئاكى

  • توكوگاۋا نارىئاكى[يەشمىسى:]1800— 1860) ياپونىيە توكوگاۋا شوگونلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى مىتو ۋاسساللىقىنىڭ 9-ئەۋلاد ۋاسسال بېگى. 1829-يىلى ۋاسسال بېگى بولغاندىن كېيىن، ۋاسسال ھاكىمىيىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا كىرىشكەن. 1844-يىلى مەھكىمە تەرىپىدىن «تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاش» جازاسى بېرىلگەن. 1849-يىلى كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن ۋاسسال ھاكىمىيىتىگە داۋاملىق قاتناشقان. 1853-يىلى پېررى كېمىلەرنى باشلاپ ياپونىيىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ شوگناتتىكى ئابى ماساخىرونىڭ ھەربىي-سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا ھەمكارلاشقان، سىرتقا قارىتا ئەجنەبىلەرنى يەكلەشنى تەشەببۇس قىلىپ، ياپونىيە-ئامېرىكا شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا قارشى تۇرغان. ئىچكى جەھەتتە ئىچىخاشىنىڭ ئوغلى يوشىنوبۇنى سىياگۇن بولۇشقا پائال قۇتراتقان. كىئى ۋاسسال بېگى توكوگاۋانى سىياگۇن قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىناۋنا ئوسوكې قاتارلىق كىشىلەر بىلەن قارشىلاشقان. 1858-يىلى ئىناۋ تايىرو بولغاندىن كېيىن ماتسۇخىرا كېئې قاتارلىقلار بىلەن بىللە شوگناتنى يارلىققا خىلاپلىق قىلىپ شەرتنامە ئىمزالىدى، دەپ ئەيىبلىگەن. شۇ يىلى يەنە «تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاش» جازاسى بېرىلگەن. ئىككىنچى يىلى مىتوغا سولاپ قويۇلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي كېسەل بىلەن ئۆلگەن. 

توكوگاۋا ئېموچى

  • توكوگاۋا ئېموچى[يەشمىسى:]1846— 1866) ياپونىيە توكوگاۋا شوگونلىقىنىڭ 14-ئەۋلاد سىياگۇنى. 1849-يىلى كىئې ۋاسسال بېگى بولغان. 1858-يىلى توكوگاۋا ئېسادا (1824 — 1858) دىن كېيىن سىياگۇن بولغان (ئۆز ئىسمىنى ئېموچى قىلىپ ئۆزگەرتكەن). 1862-يىلى تېننو تاكائاكىنىڭ سىڭلىسى كازۇمىيانى ئالغان.1863 — 1865-يىللىرى كيوتوغا ئۈچ قېتىم بېرىپ، ئوردىنىڭ ئىناۋىتىدىن پايدىلىنىپ، شوگناتنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىش مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلغان. شوگنات ناگاسا ۋاسساللىقىغا قارشى ئىككىنچى جازا يۈرۈشى قىلغان چاغدا ئوساكادا كېسەل بىلەن ئۆلگەن. 

توكوگاۋا ئېياسۇ

  • توكوگاۋا ئېياسۇ[يەشمىسى:]1542— 1616) ياپونىيە ئېدو شوگونلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. مىكاۋا (بۈگۈنكى ئايتى ناھىيىسى) ناھىيىسىدىكى ئوكاساكى شەھىرىنىڭ خوجايىنى ماتسۇخىرا خىروتادا (1526 — 1549) نىڭ چوڭ ئوغلى. 6 ياشتىن 19 ياشقىچە ئوتانوبۇخىدې (1510 — 1551)، ئىماكاۋا يوشىموتو (1519 — 1560) دا بارىمتاي بولۇپ تۇرغان. 1560-يىلى ئىماكاۋا جەڭدە ئۆلگەندىن كېيىن ئوكاساكىغا قايتقان. 1561-يىلى ئوتا نوبۇناگا بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. 1566-يىلى توكوگاۋا دېگەن فامىلىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1568-يىلى تاكىدا نوبۇيوشى بىلەن بىرلىكتە ئىماكاۋانىڭ سۇيۇرغال زېمىنىنى بۆلۈشۈۋالغان. 1570-يىلى توتومىغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن، ئۇنى خاماماچى دەپ ئۆزگەرتىۋەتكەن. 1572-يىلى تاكىدانىڭ قوشۇنىنى خاماماچى شەھىرىنىڭ سىرتىدا يوقاتقان. 1582-يىلى ئوتانوبۇناگا ئۆلگەندىن كېيىن تويوتومى خىدېكىچى بىلەن تىركىشىپ تۇرغان. 1586-يىلى تويوتومى خىدېكىچىنىڭ سىڭلىسىنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ بويسۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1590-يىلى كىتاجو ئوجىنائو (1562 — 1591) غا قارشى جازا يۈرۈشى قىلىشنىڭ ئاۋانگارتى بولۇپ، كانتودىكى سەككىز ۋىلايەتنى تىزگىنلەيدىغان چوڭ خوجا بولۇپ قالغان ۋە ئېدودا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1596-يىلى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1598-يىلى تويوتومى خىدېكىچى ئۆلگەندىن كېيىن بەش تائىرونىڭ باشلىقى بولغان. 1600-يىلى سېكىخارا جېڭىدە تويوتومىنىڭ كۈچلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. 1603-يىلى ئەجنەبىلەرنى يوقىتىش سىياگۇنى بولۇپ، ئېدودا شوگنات قۇرغان. 1605-يىلى سىياگۇنلۇق ۋەزىپىنى ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى خىدېتادا (1579 — 1632) غا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، سۇمپۇ شەھىرى (بۈگۈنكى شىزۇئوكا ناھىيىسى) دە خىزمەتتىن چېكىنىپ چىققان. شۇنداق بولسىمۇ مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئىشلارنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى تۇتقان. 1615-يىلى ئوساكا جېڭىدە تويوتومى خىدېيورى (1593 — 1615) نى يوقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى تىزگىنلىۋالغان. 1616-يىلى ئەتىيازدا ساراي ۋەزىرى بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن.

توكوگاۋا يوشىنوبۇ

  • توكوگاۋا يوشىنوبۇ[يەشمىسى:]1837 — 1913) ياپونىيە توكوگاۋا شوگونلۇقىنىڭ 15-ئەۋلاد سىياگۇنى. مىتو ۋاسسال بېگى توكوگاۋا نارىئاكىنىڭ 7-ئوغلى. بالىلىق دەۋرىدىكى ئىسمى شىچىرو مارو ياكى ئاكىنو. 1847-يىلى (خۇڭخۇانىڭ 4-يىلى) خاشى فامىلىلىك بىر ئائىلىگە بالا قىلىپ بەرگەندىن كېيىن ئىسمىنى يوشىنوبۇ دەپ ئاتىۋالغان. 1853-يىلى پېررى كېمىلەرنى باشلاپ ياپونىيىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ پورتنى ئېچىپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ چاغدا سىياگۇن توكوگاۋا ئېسادا (1824 — 1858) نىڭ بالىسى يوق بولغاچقا، جىيىن ۋاسسال بېگى توكوگاۋا بىلەن بىرگە سىياگۇن نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. 1858-يىلى ئىناۋنا ئوسوكې تايىرو بولغاندىن كېكنى سىياگۇن بولۇشىنى بەلگىلىگەن ۋە كېيىنكى «تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاش» قا بۇيرۇغان. تايىرو ئىناۋ ئۆلگەندىن كېيىن 1860-يىل 9-ئايدا جازا ئېلىپ تاشلانغان. 1862-يىل (ۋىنجۇنىڭ 2-يىلى) 7-ئايدا سىياگۇن ياردەمچىسى بولغان.1867-يىلى 1-ئايدا توكوگاۋا ئېموچى (1866-يىلى 8-ئايدا ئۆلگەن) دىن كېيىن سىياگۇن بولغان. 1868-يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى يېڭىلىققا كۆچۈش تەرەپدارلىرى پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ئوساكاغا قېچىپ بېرىپ، قورال كۈچى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولغان. توبا، فوشىمى ئۇرۇشىدا يېڭىلىپ قالغان. 1868-يىلى 2-ئايدا ئېدوغا قايتىپ بارغان. 3-ئايدا ئۇئېنودىكى كۇەنيۇڭ ئىبادەتخانىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان. 5-ئايدا ئېدونى تاپشۇرۇپ تەسلىم بولغان. دەسلەپتە مىتودا ئولتۇراقلىشىپ، ئاندىن 1869-يىلى شىزۇئوكاغا كۆچۈپ كەتكەن. 1902-يىلى كىنەزلىك ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 

توكۇدا كۇچى

  • توكۇدا كۇچى[يەشمىسى:]1894 — 1953) ياپونىيە كومپارتىيىسىنىڭ ئاساسچىلىرى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. ئوكىناۋا ناھىيىسىدىكى ناگو شەھىرىدە تۇغۇلغان. ياپونىيە داشۆسىنىڭ مەخسۇس شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. 1920-يىلى ياپونىيە سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1922-يىلى ياپونىيە كومپارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان، مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1924-يىلى بىكار قىلغۇچىلار پارتىيىنى تارقىتىش توغرىسىدا قارار چىقارغاندىن كېيىن، ۋاتانابې ماسانوسۇكې قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە پارتىيىنى يېڭىباشتىن قۇرۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغان. ئوڭچىل ۋە سولچىل ئاغمىچىلىققا قارشى تۇرغان. 1928-يىلى 2-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە باش ئەگمەي مەردانىلىك بىلەن كۈرەش قىلغان. 1945-يىلى 10-ئايدا تۈرمىدىن چىققان. شۇ يىلى 12-ئايدا ياپونىيە كومپارتىيىسىنىڭ 4-قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى سېكرىتارىياتىنىڭ باش سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. 1946-، 1947-، 1949-يىللىرى ئۇدا ئۈچ قېتىم ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، 1950-يىلى 6-ئايدا ئامېرىكا ئىشغالىيەتچى دائىرىلىرى «تەرتىپكە سېلىش-تازىلاش» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باشقا 23 نەپەر ئەزاسى بىلەن بىللە مەخپىي ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان. 1953-يىل 10-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدا كېسەل بىلەن ئۆلگەن. «تۈرمىدە ئۆتكەن 18 يىل» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

توكۇتومى ئاشىكى

  • توكۇتومى ئاشىكى[يەشمىسى:]1868— 1927) ياپونىيە يازغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى كېنجىرو. توكۇتومى ئىكىنىڭ ئىنىسى. كيوتودىكى يولداشلار جەمئىيىتىدە ئوقۇغان. ياشلىقىدا كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. روسىيە يازغۇچىسى لېۋ تولستويغا چوقۇنغان. «قايتماق» ۋە «قارا دولقۇن» قاتارلىق ئەسەرلەر ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ، ئالدىنقى ئەسەردە ئايال قەھرىمان نامىكونىڭ ھاياتى ئارقىلىق ياپونىيە ئاياللىرىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى بايان قىلىنغان؛ كېيىنكىسىدە ئۆتكۈر سۆزلەر بىلەن ئەينى زاماندىكى ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ نومۇسسىزلىقى پاش قىلىنغان. ئۇ يەنە «تەبىئەت بىلەن كىشىلىك ھايات» ناملىق خاتىرە ۋە «فوشى» ناملىق تەرجىمىھال تەرىقىسىدىكى رومان يازغان. كېيىن «ئاشىكى ئەسەرلىرى» دىن 20 توم نەشىر قىلىنغان. 

توكۇتومى سومىنې

  • توكۇتومى سومىنې[يەشمىسى:] 1863 — 1957) ياپونىيە ئوبزورچىسى. ئەسلى ئىسمى ئىچىرو. كومامۇتو ناھىيىسىدىن. ياشلىق دەۋرىدە كومامۇتو مەكتىپىدە ئوقۇغان. كېيىن كيوتودىكى يولداشلار جەمئىيىتىگە كىرىپ ئوقۇغان. ئۆز يۇرتىدا داجياڭ خۇسۇسىي مەكتىپىنى ئاچقان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دېموكراتىك دوستلۇق جەمئىيىتىنى قۇرغان، «خەلق دوستى» ۋە «خەلق خەۋەرلىرى» نى چىقىرىپ، خەلقچىللىقنى تەشەببۇس قىلىپ، ۋاسسال مىلىتارىستلارنىڭ سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلغان. 1894-يىلدىكى جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى داۋامىدا ئۇرۇشنى تەرغىپ قىلىپ، «بۈيۈك ياپونىيىنىڭ كېڭەيمىچىلىكى» نى بېسىپ تارقاتقان، كېيىن دۆلەتپەرەسلىك مەيدانىغا ئۆتكەن. مىلىتارىست كېئىتاروغا يېقىنلىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسەتلىرىنى قوللىغان. 1911-يىلى ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1918-يىلىدىن باشلاپ «ياپونىيىنىڭ يېقىنقى زامان خەلق تارىخى» نى يېزىشقا كىرىشكەن (1952-يىلى بۇنى پۈتتۈرگەن). 1929-يىلى خەلق خەۋەرلىرى جەمئىيىتىدىن چىقىپ كەتكەن. «18-سېنتەبر» ۋەقەسىدىن كېيىن ئارمىيە بىلەن يېقىن تىل بىرىكتۈرگەن. 1942-يىلى بۈيۈك ياپونىيە سۆز مۇنبىرى گېزىتى ۋە ياپونىيە ئەدەبىياتى گېزىتى بويىچە مەملىكەتلىك كېڭىشىنىڭ باشلىقى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ ئەيىبلەنگەن. ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن يەنىلا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ھاياتىدا 300 نەچچە پارچە كىتاب يازغان. 

توكۇماسا پەرمانى

  • توكۇماسا پەرمانى[يەشمىسى:] ياپونىيىدە شوگنات ئېلان قىلغان يەر سودىسىنى ۋە قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پەرمانى. كاماكۇرانىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، سامورايلار كۈنسېرى نامراتلىشىپ، سامورايلار يەرنى رەنىگە قويىدىغان ياكى ساتىدىغان ئەھۋال يۈز بەرگەن. 1295-يىلى بارگاھ سامورايلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن «توكۇماسا پەرمانى» نى ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى بىكار قىلىۋەتكەن، يەرلەرنى قايتۇرۇۋالغان. مۇروماچى دەۋرىدە مەزكۇر پەرمان كۆپ قېتىم ئېلان قىلىنغان، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن دېھقانلارمۇ مۇشۇ پەرماننى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىشنى چاقىرىق قىلىپ، بۇتخانا ۋە جازانىخور سودىگەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، رەنىگە قويۇلغان نەرسىنى قايتۇرۇۋېلىپ، تىلخەتلەرنى(«توكۇماسا قوزغىلىڭى»غا قاراڭ) كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. توكوگاۋا شوگۇنلىقىغا كەلگەندە، «ئالۋان-ياساقنى بىكار قىلىش» دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ خاراكتېرى توكۇماسا پەرمانىغا ئاساسەن ئوخشاش بولغان. 

توكۇماسا قوزغىلىڭى

  • توكۇماسا قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ مۇروماچى دەۋرىدە دېھقانلار شوگناتنىڭ «توكۇماسا پەرمانى» نى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن كۆتۈرگەن قوزغىلاڭ. 1428-يىلى ئومى (بۈگۈنكى سىگا ناھىيىسى) دىكى دېھقانلار شوگناتنىڭ پەرمان چىقىرىپ، قەرزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان؛ نارا، كيوتو ئەتراپىدىكى دېھقانلار بۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان. ئەمەلىيەتتە، شوگناتنىڭ پەرمانى چىققىچە، دېھقانلار جازانىخورلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە ئامبارلىرىغا بېسىپ كىرىپ، گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىلەرنى تارتىۋالغان ۋە تىلخەتلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، سېلىقنى يېنىكلىتىشنى تەلەپ قىلغان، ئاشۇرۇلغان باجنى تاپشۇرۇشقا قارشى تۇرغان. 1441-يىلى (جياجىنىڭ بىرىنچى يىلى) كيوتونى مەركەز قىلغان ھالدا كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن، بارگاھ «توكۇماسا پەرمانى» نى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1454-يىلى (شاڭدېنىڭ 3-يىلى) يەنە كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، جازانىخورلارغا قارشى بىۋاسىتە ھەرىكەت قوللانغان. بارگاھ «توكۇماسا پەرمانى» نى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1485-يىلى (ۋېنمىڭنىڭ 17-يىلى) ئومى، ياماتو (بۈگۈنكى كيوتو ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىدا) ۋە ئوياماتو (بۈگۈنكى نارا ناھىيىسى) دە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن ھەمدە بىر قىسىم سامورايلار بىلەن بىرلىشىپ، شوگناتنىڭ «توكۇماسا پەرمانى» نى ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. مۇنداق قوزغىلاڭلارغا شوگنات تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالغان. 

توكۇناگا سونائو

  • توكۇناگا سونائو[يەشمىسى:]1899 — 1958) ياپونىيە يازغۇچىسى. كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. باسما زاۋۇتىدا شاگىرت، نابورچىك بولغان. 1926-يىلى ئورتاق باسما شىركىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1929-يىلى ياپونىيە پرولېتارىيات يازغۇچىلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 1946-يىلى ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قاتناشقان. ئاساسلىق ئەسىرى «كۈن چۈشمەيدىغان كوچا» ناملىق رومان ۋە ئۇنىڭ داۋامى «ئىشسىز شەھەر توكيو» دا توكيودىكى باسما ئىشچىلىرىنىڭ زور ئىش تاشلىشى تەسۋىرلەنگەن. «جىمجىت تاغلار» دا ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى ياپون ئىشچىلىرىنىڭ دېھقانلار بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان جاپالىق كۈرىشى تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا «ئات»، «ئۈنۈم ھەيئىتى»، «ئەمگەكچان ئائىلە» قاتارلىق ھېكايىلىرى بار. 

توكۋىل

  • توكۋىل[يەشمىسى:]Alexischarles Henri Clevrelde Tocqueille، 1805 — 1859) فرانسىيىلىك سوتسىئولوگ، تارىخشۇناس. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پارىژدا قانۇن ئۆگەنگەندىن كېيىن، 1831-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ، ئەدلىيە تۈزۈمى ۋە سىياسىي ئورگانلارنى تەكشۈرگەن ھەمدە كۆپ قېتىم ئەنگلىيىنى زىيارەت قىلىپ، ئەنگلىيە لىبېراللىرى بىلەن ئالاقىدە بولغان. 1838-يىلىدىن باشلاپ ئېتىكا ۋە پولىتىكا ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1841-يىلىدىن باشلاپ فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. 1848-يىلى ئىنقىلاب مەزگىلىدە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى ۋە قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىغا سايلاپ كىرگۈزۈلگەن، ئىككىنچى يىلى قىسقا مۇددەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1851-يىلى لۇئى بۇناپارتقا قارشى تۇرغانلىقتىن قولغا ئېلىنغان، كېيىن سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن. 1835-يىلى «ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمى ھەققىدە» نى نەشىر قىلىپ، ناھايىتى يۇقىرى شان-شەرەپكە ئىگە بولغان. ئامېرىكىچە دېموكراتىيىنى ماختاپ، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنى تەرغىپ قىلغان ھەمدە بۇرژۇئا ئىنقىلابى ۋە دېموكراتىك ئۆزگەرتىشنىڭ مۇقەررەرلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. 1856-يىلى نەشىر قىلىنغان «كونا تۈزۈم ۋە بۈيۈك ئىنقىلاب» تا فرانسىيە يېڭى-كونا تۈزۈملىرىنىڭ باغلىنىشىنى مۇھاكىمە قىلىپ، بۇلارنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىش خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. لېكىن يەنە ئىنقىلاب قىلمايمۇ فېئوداللىق تۈزۈمنى يوق قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان. بۈيۈك ئىنقىلابتىن بۇرۇنقى زور مىقداردىكى ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى يىغقان. يەنە «ئامېرىكىنىڭ تۈرمە تۈزۈمى ۋە ئۇنىڭ فرانسىيىدە تەتبىقلىنىشى»، «لۇئى ⅩⅤ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىكى پەلسەپە تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

توكيو سوتى

  • توكيو سوتى[يەشمىسى:] يەنى «يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي ئىشلار سوتى».

توگو شىگېتوكۇ

  • توگو شىگېتوكۇ[يەشمىسى:]1882— 1950) ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى. 1908-يىلى توكيودىكى ئىمپېرىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. ئۇزۇن مۇددەت تاشقى ئىشلار ۋازارىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ياۋروپا-ئامېرىكا، ياۋروپا-ئاسىيا ئىدارىلىرىنىڭ باشلىقى بولغان. 1937-يىلى گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1938-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1941-يىلى 10-ئايدا توجۇ ئىچكى كابىنېتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى قوشۇمچە بوز يەر ئېچىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەزىر بولۇپ، ياپونىيە-ئامېرىكا سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. 1942-يىلى 9-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1945-يىلى 4-ئايدا سۇزۇكى ئىچكى كابىنېتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى، قوشۇمچە بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا ۋازارىتىنىڭ ۋەزىرى بولغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى ھېسابىدا قولغا ئېلىنغان. 1948-يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن 20 يىللىق تاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1950-يىلى كېسەل بولۇپ ئۆلگەن. ئۇنىڭ «دەۋرنىڭ بىر تەرىپى»، «توگو شىگېتوكۇ دىپلوماتىيە خاتىرىلىرى» ناملىق ئەسەرلىرى بار. 

توگوھېيما چېرو ماركوئېسس

  • توگوھېيما چېرو ماركوئېسس[يەشمىسى:]1848 — 1934) ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى مارشالى. سامورايدىن كېلىپ چىققان سامو ۋاسساللىقى بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ئۇرۇشىغا، ۋۇچىڭ ئۇرۇشىغا قاتناشقان. مىيجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئەنگلىيىگە بېرىپ دېڭىز ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئۆگەنگەن. 1894-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى «دولقۇن سۈرئىتى» ناملىق پاراخوتنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنگلىيىنىڭ «يۇقىرى ئۆرلەش» ناملىق سودا ترانسپورت پاراخوتىغا توپ ئېتىپ چۆكتۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، جۇڭگو-ياپون جياۋۇ ئۇرۇشىنى قوزغىغان، ئۇرۇشتىن كېيىن دېڭىز ئارمىيە داشۆسىنىڭ مۇدىرى، زاپاس فلوتنىڭ قوماندانى، مائىزۇرۇ بازىرىنى قوغداش قوماندانى بولغان. ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بىرلەشمە فلوتنىڭ قوماندانى بولغان. 1904-يىلى 6-ئايدا ئادمىراللىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1905-يىلى 5-ئايدا ياپون دېڭىزىدىكى دېڭىز ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىپ، روسىيىنىڭ بالتىق دېڭىزى فلوتىنى مەغلۇپ قىلغان. شۇ يىلى 12-ئايدا ھەربىي پەرمان مىنىستىرى بولغان. 1901-يىلى 12-ئايدا ھەربىي كېڭەش باشلىقلىقىغا ئالماشتۇرۇلغان. 1913-يىلى مارشاللىققا ئۆستۈرۈلگەن. ئاخىرقى ئۆمرىدە ئارمىيە ئىچىدىكى قاتتىق قوللۇقلارنىڭ تايانچىسى بولۇپ قالغان. 

تونگو خاندانلىقى

  • تونگو خاندانلىقى[يەشمىسى:] بىرمىنىڭ فېئودال خاندانلىقى (1531 — 1752). تونگو (Tounggoo) ئەسلىدە سىتتاك دەريا ۋادىسىدىكى بىرما مىللىتىنىڭ ئېلى بولۇپ، مىنكىنيو (Minkyinyo) تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللەردە (1486 — 1531)گۈللىنىشكە باشلىغان. مىنكىنيونىڭ ئوغلى تابىن شۋېختى تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن تونگو خاندانلىقىنى قۇرۇشقا باشلاپ، 1539-يىلى پېگۇ خانلىقىنى يوقىتىپ، بىرمىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسىملىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پېگۇنى پايتەخت قىلغان. بايىننائۇڭ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە (1551 — 1581)، ئاۋا خاندانلىقىنى يوقىتىپ، ھەرقايسى ئۇششاق ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ، بىرمىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن؛ تايلاند ۋە لائۇسقا تاجاۋۇز قىلىپ ھەم ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ، كۈچ-قۇدرىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئاشۇرغان. بايىننائۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن، تونگو پرومې قاتارلىق بەگلىكلەر ئۆز ئالدىغا تەپرىقە بولۇۋالغان، تايلاند ۋە لائۇسمۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مۇستەقىل بولغان، دۆلەتنىڭ كۈچى تېزدىن ئاجىزلاپ كەتكەن. 1599-يىلى ئاراگان پادىشاھى بىلەن تونگو بەگلىكى بىرلىشىپ پېگۇغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلغان. پادىشاھ ناندا بايىن (Nanda bayin، 1581 — 1599) ئەسىرگە چۈشكەن. 1600-يىلى بايىننائۇڭنىڭ ئوغلى — ئاۋا بېگى نىيائۇڭ يەن (Nyaungyan، ؟ — 1605) باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، يۇقىرى بىرمىنى قايتا بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ ئوغلى ئانائۇڭ پېنالۇن تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللەردە (1605 — 1628)، پورتۇگالىيىنىڭ سيرىيامدىكى مۇستەملىكە تايانچ پونكىتىنى يوقىتىپ، بىرمىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1628-يىلى پايتەختنى پېگۇغا يۆتكىگەن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە ئاۋاغا كۆچۈرۈپ كەلگەن. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن كېيىن، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق مۇستەملىكىچى كۈچلەر تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، فېئودال تەپرىقىچىلىق كەسكىنلىشىپ، جەنۇبتىكى بېنگاللار قايتا باش كۆتۈرگەن. 1752-يىلى بېنگاللار تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 

توڭشيا جيەن (ئوكېخازاما) جېڭى

  • توڭشيا جيەن (ئوكېخازاما) جېڭى[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ يېغىلىق دەۋرىدىكى چوڭ فېئوداللار ئوتتۇرىسىدا بولغان ھەل قىلغۇچ جەڭ. ئۇۋارى (ھازىرقى ئايچى ناھىيىسى) دىكى چوڭ فېئودال ئوتانوبۇناگا بىلەن سۇرۇگا (ھازىرقى شىزۇئوكاۋا ناھىيىسى) دىكى چوڭ فېئودال ئىماگاۋا ھەر ئىككىلىسى كيوتوغا بېرىپ مەركىزىي ھاكىمىيەت قۇرماقچى بولغان.1560-يىلى 5-ئايدا ئىماگاۋا 25 مىڭ كىشىلىك ئەسكەرنى باشلاپ غەربكە يۈرۈش قىلغان، سەپەر ئۈستىدە ئوتانوبۇناگانىڭ توسۇپ زەربە بېرىشىگە ئۇچرىغان. 19-كۈنى (ئوكېخازاما) (ھازىرقى ئايچى ناھىيىسى فېڭمىڭ شەھىرى تەۋەسى) دە يەر شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، قاتتىق بوران-چاپقۇندىن پايدىلىنىپ، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئىماگاۋانى ئۆلتۈرگەن. ئوتانوبۇناگا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ياپونىيىدە زومىگەرلىك قىلىشقا باشلىغان. 

توڭگۇز قولتۇقى ۋەقەسى

  • توڭگۇز قولتۇقى ۋەقەسى[يەشمىسى:] «كولون ساھىلى ۋەقەسى» گە قاراڭ.

توللۇند خارابىسى

  • توللۇند خارابىسى[يەشمىسى:] دانىيە تورف قاتلىمى خارابىسى. دانىيىدىكى يوتلاندىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى ئارخۇس (Arhus) نىڭ غەربىدىن 30 كىلومېتر نېرىسىدىكى توللۇند (Tollund) دېگەن جايدا. 1950-يىلى تۆمۈر قوراللار دەۋرىدىكى كىيىندۈرۈلگەن مۇكەممەل جەسەت تېپىۋېلىنغان. جەسەتنىڭ بوينىغا ئارغامچا سېلىنغان. قالپاق، كىيىم-كېچەك، پۇتلىرى ناھايىتى تولۇق ساقلىنىپ قالغان؛ ئاشقازىنىدىكى قالدۇق نەرسىلەر ئانالىز قىلىنىپ، شۇ چاغدىكى كىيىم-كېچەك،يېمەك-ئىچمەكنى چۈشىنىشتىكى مۇھىم كەشپىيات بولغان. شۇ چاغدا بۇ رايوندا ئۇرۇشتىن كېيىن دائىم نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈپ ئادەمنى كۆلچەككە تاشلايدىغان ئادەت بولغان. بۇ جەسەت تورف قاتلىمىغا كۆمۈلۈپ، ساقلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. 

تولوسا جېڭى

  • تولوسا جېڭى[يەشمىسى:] 1912-يىلى 16-ئىيۇلدا كاستىلىيە كورۇلى ئالفونسوⅧ (Alfonso Ⅷ، 1158 — 1216-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان). كاستىلىيە، لېئون، ئاراگون ۋە ناۋاررا بىرلەشمە ئارمىيىسىنى باشلاپ چىقىپ، ھازىرقى ئىسپانىيىنىڭ جائېن (Jaen) ئۆلكىسىنىڭ تولوسا (Lasnavasde Tolosa) يېزىسىدا موۋاھىدون (ئەلموھەدېس، Almohades) خاندانلىقىنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ جەڭ ئىسپانىيىنىڭ قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان. 

تولۇقلانغان ھۈججەتلەر ئىزاھاتى

  • تولۇقلانغان ھۈججەتلەر ئىزاھاتى[يەشمىسى:] كىتاب ئىسمى. ئۇنىڭغا چاۋشيەننىڭ قەدىمكى زاماندىكى مەدەنىي يادىكارلىقلىرى، قائىدە-يوسۇنلىرى ۋە تۈزۈملىرى كىرگۈزۈلگەن. 1903 — 1908-يىللىرى تەسىس قىلىنغان توپلاش نازارىتى 1770-يىلى نەشىر قىلىنغان «شەرقىي ئەل ھۈججەتلىرى ئىزاھاتى» نى تولۇقلاش ۋە تۈزىتىش ئارقىلىق تۈزۈپ چىققان. گاۋزۇڭ دەۋرىدە تولۇقلانغىنى 16 ئىزاھقا بۆلۈنگەن بولۇپ، 250 جىلد، 50 توم بولغان. 

تولېن

  • تولېن[يەشمىسى:]Henri Louis Tolain، 1828 — 1897) فرانسىيىلىك پرۇدونچى، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئەزاسى. مىس ئويمىچىلىقى ئىشچىسى. 1864-يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقان. پرۇدوننىڭ تەسىرى بىلەن، ئىسلاھاتچىلىق مەيدانىدا چىڭ تۇرغان. 1870-يىلى 4-سېنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن پارىژ بىرىنچى رايونىنىڭ باشلىقى بولغان. 1871-يىلى 2-ئايدا مىللىي پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. پارىژ كوممۇنىسىغا دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان، 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىنتېرناتسىئونالدىن چىقىرىلغان. كۆپ قېتىم كېڭەش پالاتاسى ئەزالىقىغا سايلىنىپ، ئومۇمىي كەچۈرۈم قىلىشقا قارشى تۇرغان. 1890-يىلى فرانسىيە ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن بېرلىنغا بېرىپ، ئەمگەك تەشكىلاتلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان. 

تولستوي

  • تولستوي[يەشمىسى:]1) ئالېكسىي كونستانتىنوۋىچ تولستوي (Алексий Константинович Толстой، 1817 — 1875) روسىيە يازغۇچىسى. گراف. ئارمىيە ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىدە خىزمەت قىلغان. دەسلىپىدە شېئىر بىلەن نام چىقارغان. كېيىن رومان ۋە سەھنە ئەسىرى يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. تارىخىي رومان «كىنەز سېرېبرىيانى»، ئۈچ پەردىلىك تارىخىي سەھنە ئەسىرى «ئىۋان گروزنىيىنىڭ ئۆلۈمى»؛ «چار پادىشاھ فېدوور» ۋە «چار پادىشاھ بورىس» دېگەن ئەسەرلەرنى يازغان. بۇلاردىن باشقا ھەجۋىي شېئىر «پوپوۋنىڭ چۈشى»نى يېزىپ، چار پادىشاھنىڭ تۆرە-ئېسىلزادىلىرىنى مازاق قىلغان. (2) لېۋ نىكولايېۋىچ تولستوي (Лев Николаевич Толстой، 1828 — 1910) روسىيە يازغۇچىسى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قازان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغدا، فرانسىيە مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، چار پادىشاھ تۈزۈمىدىن نارازى بولغان، 1847-يىلى ئوقۇشتىن چېكىنگەن. 1851-يىلى كاپكازغا كېلىپ ئەسكەر بولۇپ، قىرىم ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، «سېۋاستوپول ھېكايىلىرى» نى يازغان. يەنە ئۈچ توملۇق تەرجىمىھال خاراكتېرلىك ئەسەر «گۆدەكلىك»، «ئۆسمۈرلۈك»، «ياشلىق» نى ئىجاد قىلغان. 1856-يىلى «بىر پومېشچىكنىڭ ئەتىگىنى» نى ئېلان قىلىپ، يانچىلارنى فېئوداللىق زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدىكى ئىدىيىۋى ئىزدىنىشنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئىككىنچى يىلى غەربىي ياۋروپانى ساياھەت قىلىپ، «ليوسېن» ناملىق ھېكايىنى يېزىپ، غەربىي ياۋروپا كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ نام-مەنپەئەتكە بولغان قۇللارچە چوقۇنۇشىنى پاش قىلغان. كېيىن يەنە «كازاكلار» ناملىق پوۋېستىنى يېزىپ، ئاقسۆڭەك ياشنىڭ كازاكلار ئارىسىدىكى ھاياتى ۋە ھېسسىياتىنى تەسۋىرلىگەن. 1863 — 1869-يىللىرى «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» ناملىق رومانىنى يېزىپ، 1812-يىلىدىكى روسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىنى ۋەقەلىك قىلىپ، ⅪⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى روسىيىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. «ئاننا كارىنىنا» ۋە «تىرىلىش» ناملىق رومانلارنى يېزىپ، يانچىلىق تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىنكى روسىيە جەمئىيىتىنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى تەسۋىرلىگەن. بۇلاردىن باشقا «ھاجى مۇرات» ناملىق پوۋېست، «جاھالەت كۈچلىرى»، «مائارىپ مېۋىلىرى» ناملىق دراما قاتارلىقلارنى يازغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە، بولۇپمۇ كېيىنكى مەزگىلدىكى ئەسەرلىرىدە دېھقانلارنىڭ ئىدىيىسى ۋە تەلەپلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، پومېشچىك، بۇرژۇئازىيىنىڭ دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە زۇلۇملىرىغا رەھىمسىزلىك بىلەن زەربە بېرىلگەن، لېكىن «ياۋۇزلۇققا زورلۇق كۈچ ئارقىلىق قارشى تۇرماسلىق»نى تەشەببۇس قىلىپ، پاترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى ئۇششاق دېھقانلار جەمئىيىتىنى چار پادىشاھ تۈزۈمى ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولغان. (3) ئالېكسېي نىكولايېۋىچ تولستوي (Алексей Николаевич Толстой، 1883 — 1945) سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دادىسى گراف، ئانىسى يازغۇچى. 1901 — 1907-يىللىرى پېتربۇرگ سانائەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1905-يىلىدىن باشلاپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن بۇرۇنقى ئەسەرلىرى («ۋولگا دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدا»، «ئاقساق بوۋاي» قاتارلىقلار) نىڭ كۆپىنچىسىدە پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ چۈشكۈنلۈكىنى تەسۋىرلىگەن. ئىنقىلابتىن كېيىن بىر مەزگىل چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1923-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ۋەكىللىك ئەسىرى «سەرسانلىق-سەرگەردانلىقتا» («ئىگىچە-سىڭىل»، «1918-يىل»،«تۇمانلىق سەھەر») ناملىق ئۈچ قىسىملىق رومانىدا ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ۋە ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ باتۇرانە كۈرەشلىرى ۋە زىيالىيلارنىڭ ئىدىيىۋى ئۆزگىرىش جەريانى تەسۋىرلەنگەن. «ئاشلىق» ناملىق پوۋېستىدا سارىتسىننى قوغداش ئۇرۇشىنى مەدھىيىلىگەن. تارىخنى ۋەقەلىك قىلىپ، «پېترⅠ» ناملىق رومانىنى ۋە «ئىۋان گروزنىي» ناملىق سەھنە ئەسىرىنى يېزىپ چىققان. «تەلەيسىز جۈمە»، «ئېزىتقۇ» قاتارلىقلاردا غەرب كاپىتالىزم جەمئىيىتىنى پاش قىلىش ئاساسىي تېما قىلىنغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كۆپلىگەن سىياسىي ماقالە ۋە ھېكايىلەرنى يېزىپ، فاشىست تاجاۋۇزچىلىرىنى پاش قىلىپ، خەلقنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بەرگەن. يەنە ئىلمىي فانتازىيىلىك ھېكايە ۋە خەلق چۆچەكلىرىنىمۇ يازغان.

تولىياتتى

  • تولىياتتى[يەشمىسى:]Palmiro Togliatti، 1893 — 1964) يەنە بىر ئىسمى ئېركولى (Ercoli). ئىتالىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى (1944—1964)، گېنۇيادا خىزمەتچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1914-يىلى ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1915-يىلى تۇرىن داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1919-يىلى «يېڭى تەرتىپ» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنى تەسىس قىلىشقا قاتناشقان. 1921-يىلى ئىتالىيە كومپارتىيىسىگە كىرگەن. 1926-يىلى موسكۋاغا بارغان، كېيىن ئۇزاققىچە فرانسىيە، بېلگىيە ۋە شۋېتسارىيىدە تۇرۇپ ئىتالىيە كومپارتىيىسىنىڭ چەت ئەللەردىكى مەركىزىنى تەشكىل قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ ئاساسىي مەسئۇلى بولغان. 1935-يىلدىن تارتىپ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1937-يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ۋەكىلى بولۇپ ئىسپانىيىگە بېرىپ خەلق فرونتى ھۆكۈمىتىگە ياردەملەشكەن. 1940-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ رادىئودا خەۋەر بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. 1944-يىلى ئىتالىيىگە قايتىپ، ئىتالىيە كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى، ئەدلىيە مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن باش ۋەزىر بولغان. كېيىن ئىچكى كابىنېتتىن چېكىنىپ چىققان. 1948-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى قەست بىلەن يارىلانغان. ئاپپاراتلارنى ئىسلاھ قىلىشنى، تىنچ ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلغان؛ كۆپ مەركەزچىلىكنى ئوتتۇرىغا قويغان، ھەربىر دۆلەت كوممۇنىزم جەمئىيىتىگە كىرىشتىن ئۆزىگە باب كېلىدىغان يولنى تاللىسا بولىدۇ، دەپ قارىغان. 1964-يىلى 8-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ «ئىتالىيە كومپارتىيىسىنىڭ 30 يىللىق جەڭگىۋار ھاياتى»، «ئىتالىيىنىڭ كوممۇنىزمغا بېرىش يولى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

توماس

  • توماس[يەشمىسى:]Albert Thomas، 1878— 1932) فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. پارىژ ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان. روسىيە، گېرمانىيە ۋە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى مەملىكەتلەرنى زىيارەت قىلغان. 1904-يىلى «يومانتى گېزىتى»نىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىرى بولغان. 1910-يىلدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى پارلامېنتتىكى پارتىيە ئۆمىكىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوتسىيال شوۋىنىزمچىلار مەيدانىدا تۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۇرژۇئا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي قورال-ياراق ئىشلەپ چىقىرىشقا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى (1914—1915)، مىنىستىرى (1916 — 1917) بولغان. 1917-يىلى 4-ئايدا ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ روسىيىگە بېرىپ، روسىيىنى جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن، 1920 — 1932-يىللىرى دۆلەتلەر بىرلەشمىسى قارىمىقىدىكى خەلقئارالىق ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بولغان. «گېرمانىيە سىندىكالىزمى»، «ئىككىنچى ئىمپېرىيە تارىخى، 1852 — 1870-يىللار» دېگەن ئەسەرلىرى بار.

توماس ئاكۇنا

  • توماس ئاكۇنا[يەشمىسى:]Thomas Aquinas، تەخمىنەن 1225 — 1274) ياۋروپادىكى ئوتتۇرا ئەسىر تېنولوگى ۋە مەدرىس پەيلاسوپى، ئىتالىيىنىڭ نېئاپول شەھىرىنىڭ يېنىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئوردو دومىنكا نورۇمغا قاتناشقان. نېئاپول ۋە پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان. كېيىن پارىژ، بولونىيە، رىم قاتارلىق جايلاردا ئىلاھىيەت ۋە پەلسەپىدىن دەرس ئۆتكەن. ئىلگىرى-كېيىن ئالېكساندر Ⅳ(AlexanderⅣ، 1254 — 1261-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان)، ئۇربانۇس Ⅳ (rbanus، 1261 — 1264-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ۋە كلېمېنت Ⅳ (ClementⅣ، 1265 — 1268-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) قاتارلىق ئۈچ پاپانىڭ ۋاتىكان تېنولوگىيە پروفېسسورى ۋە فرانسىيە كورۇلى لۇئى Ⅸ نىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. مەدرىس پەلسەپىسى ئىچىدىكى چىنلىق نەزەرىيىسى تەرەپدارى. «تېنولوگىيە قامۇسى» ناملىق ئاساسلىق ئەسىرى بولۇپ، بۇ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى خرىستىئان دىنى ئىلاھىيىتى ئېنسىكلوپېدىيىسى ھېسابلىنىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا «ئارىستوتېل ئەسەرلىرىگە ئىزاھ»، «غەيرىي دىنلارغا قارشى تۇرۇش قامۇسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئالەمدىكى غەيرىي جانلىقلاردىن ئادەم، ئەۋلىيا، پەرىشتە ۋە خۇداغىچە بولغان ھەممە نەرسە تائىپە بويىچە تۆۋەندىن يۇقىرىغا رېتى بىلەن بېقىنىدۇ، ھەربىر تائىپە ئۆزىدىن يۇقىرى بولغان تائىپىنى ئىنتىلىش مەقسىتى قىلىدۇ، دېگەننى تەرغىپ قىلغان. پاپا خۇدانىڭ بۇ ئالەمدىكى ۋەكىلى، ئورنى دەھرى پادىشاھلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. فېئوداللىق تائىپىگە بۆلۈنۈشىنى خۇدا ئورۇنلاشتۇرغان، دېگەنلەرنى تەرغىپ قىلغان. ئۆلگەندىن كېيىن، 1323-يىلى پاپا تەرىپىدىن «ئەۋلىيا»دەپ نام بېرىلگەن. 1879-يىلى پاپا لېئو ⅩⅢ (LeoⅩⅢ، 1878 — 1903-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان)تەرىپىدىن كاتولىك دىنى پەلسەپىسىنىڭ ئەڭ ئالىي نوپۇزى دەپ قارالغان. ئۇنىڭ پەلسەپىسى ۋە ئىلاھىيەت سىستېمىسى كېيىن «توماسچىلىق» دەپ ئاتالغان.

توماس بېكېت

  • توماس بېكېت[يەشمىسى:]Thomas a Becket، تەخمىنەن 1118 — 1170) ئەنگلىيە كاتولىك دىنى مىسسىئونېرى. لوندوندىكى باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1155-يىلى ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅱ نىڭ چوڭ سودىيىسى بولغان. 1162-يىلى كېنتېربېرى ئېپىسكوپى بولغان. كېيىن كورۇلنىڭ دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئەدلىيە ھوقۇقىنى چەكلىگەنلىكىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، ھېنرى Ⅱ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان («كلارېندون نىزامنامىسى»غا قاراڭ). بىر مەزگىل فرانسىيىگە قېچىپ بېرىۋالغان. 1170-يىلى 11-ئايدا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ھېنرى Ⅱ تۆت نەپەر رىتسارنى مەخپىي ئەۋەتىپ، ئۇنى كېنتېربېرى چېركاۋىدا ئۆلتۈرگۈزۈۋەتكەن. ئەنگلىيە فېئوداللىرى بۇنى باھانە قىلىپ، ئاممىنى كورۇلغا قارشى تۇرۇشقا قوزغىغان. ھېنرى Ⅱ ۋەزىيەتنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن، 1174-يىل 6-ئاينىڭ 12-كۈنى بېكېتنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ، ئوچۇق-ئاشكارا توۋا قىلغان. 

توماس مان

  • توماس مان[يەشمىسى:]Thomas Mann، 1875 — 1955) گېرمانىيىلىك يازغۇچى. ھېنرىخ ماننىڭ ئىنىسى. لوبىكتىكى چوڭ سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئىستراخۋانىيە شىركىتىدە خىزمەت قىلغان. كېيىن ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەدەبىيات ۋە گۈزەل سەنئەت تارىخى ئوقۇغان. ئاكىسى بىلەن بىللە ئىتالىيىنى ساياھەت قىلغان. 1901-يىلى تۇنجى رومانى — «بۇدېنبولۇك ئائىلىسى»نى ئېلان قىلغان. بۇ، گېرمانىيە تەنقىدىي رېئالىزمىدا مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. 1924-يىلى «ئالۋاستىلار تېغى» دېگەن رومانىنى ئېلان قىلغان. 1929-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ناتسىستلار ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن فرانسىيە، شۋېتسارىيە ۋە ئامېرىكىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. چەت ئەلدە تۆت توملۇق «يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى»، «دوكتور فاۋۇستې» دېگەن رومانلارنى يازغان. 1949-يىلى گېتې مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. 1952-يىلى شۋېتسارىيىگە كۆچۈپ بارغان. يەنە «تۇنيا كروگىل»، «كىنەز ئالىيلىرى»، «ۋىنسنىڭ ھالاكىتى»، «مارمو بىلەن سېھىرگەر»، «ليۇتى ۋېيمادا» قاتارلىق رومانلارنى يازغان. بۇلاردىن باشقا «ھاياتىدىن قىسقىچە تەرجىمىھال» ۋە «30 يىللىق ماقالىلەر توپلىمى»دېگەنلەرمۇ بار.

توماس مور

  • توماس مور[يەشمىسى:]Thomas More، 1477 — 1535) ئەنگلىيىلىك خىيالىي سوتسىيالىزمچى. لوندوندىكى بىر قانۇنشۇناس ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تەخمىنەن 1490-يىلى كېنتېربېرى ئېپىسكوپى جون مورتون (John Morton) نى ئۇستاز تۇتقان. 1492 — 1494-يىللىرى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1499-يىلى لوندوندا مەشھۇر ئىنسانپەرۋەر ئېراسمۇس (Erasmus) بىلەن ئۇچرىشىپ، يېقىن دوستلۇق ئورناتقان. 1504-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅶ نىڭ مالىيە سىياسىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن پارلامېنتتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅷ تەختكە چىققاندىن كېيىن 1510 — 1518- يىللىرى لوندون شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان. 1515 — 1516- يىللىرى نېدېرلاندىيە ۋە كالىغا ئەلچى بولۇپ بېرىپ، سودا ماجىراسىنى كېلىشتۈرگەن.1521 يىلى مۇئاۋىن مالىيە ۋەزىرى بولغان، شۇ يىلى رىتسارلىق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1523 — 1529-يىللىرى پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1529-يىلى چوڭ سودىيە بولغان. كېيىن ئەنگلىيە دىن ئىسلاھاتىغا قارشى تۇرۇپ، ھېنرى Ⅷ نىڭ ئانگىلىكان چېركاۋىنىڭ باشلىقى بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن باش تارتقانلىقتىن، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلدى دېگەن جىنايەت بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. «ئۇتوپىيە» ناملىق ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسىرى بولۇپ، ئۇ ياۋروپادا تۇنجى خىيالىي سوتسىيالىزملىق مەشھۇر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر، ئوبيېكتىپ جەھەتتە، پرولېتارىيات پېشۋالىرىنىڭ غايىۋى جەمئىيەتكە بولغان تەلپۈنۈشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئىلمىي سوتسىيالىزم تەلىماتىنىڭ يارىتىلىشى ئۈچۈن ئىدىيىۋى تەييارلىقلارنى ھازىرلاپ بەرگەن. «ئۇتوپىيە»گە قارالسۇن. 

توماس يوڭ

  • توماس يوڭ[يەشمىسى:]Thomas Young، 1773 — 1829) ئەنگلىيىلىك دوختۇر ۋە فىزىكا ئالىمى، يورۇقلۇق دولقۇنى تەلىماتىغا ئاساس سالغۇچى. 1802-يىلى يورۇقلۇقنىڭ ئىنتېرفېرېنسىيە ئەۋرىشكىسىنى كەشپ قىلغان ھەمدە دولقۇننىڭ تەكرار قوشۇلۇش قائىدىسىنى ئېنىق شەرھلىگەن. لېكىن 1815-يىلىغا كەلگەندىلا، ئۇنىڭ تۆھپىسىگە فىزىكا ئالىملىرى ئېتىبار بىلەن قارىغان. بۇلاردىن باشقا، ئۇ تېخى ئېلاستىكلىق مودېل مىقدارى («يوڭ مودېلى»)غا ئەڭ بۇرۇن ئېنىق تەبىر بەرگۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا «كېسىش دېفورماتسىيىسى» نىڭمۇ بىر خىل ئېلاستىكلىق شەكىل ئۆزگىرىشى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن.

تومبې

  • تومبې[يەشمىسى:]Moise Kapenda Tshombei، 1919 — 1969) كونگو (لىئوپولدۋىل) (ھازىرقى زايىر) بۆلگۈنچىلىرىنىڭ باشلىقى. كاتانگادا تۇغۇلغان، قېيىن ئاتىسى رونتا پادىشاھى. چېركاۋ مەكتىپىدە ئوقۇغان، كېيىن سودا بىلەن شۇغۇللانغان. 1959-يىلى كاتانگا قەبىلىلەر بىرلەشمىسى، قىسقارتىلىپ كوناكات (Conakat) نى قۇرۇپ چىقىپ، بېلگىيە كاپىتالىستلىرى ۋە قەبىلىلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ مەنپەئىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىغان. 1960-يىلى كونگو جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بېلگىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىپ، «كاتانگا جۇمھۇرىيىتى»نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆزىنى «زۇڭتۇڭ» لۇققا تەيىنلىگەن، 1961-يىلى لومۇمبانى ئۆلتۈرگەن. 1963-يىلى يېڭىلىپ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1964-يىلى زۇڭلى بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك قوراللىق كۈچلەرنى باستۇرغان. 1965-يىلى تەختتىن غۇلاپ چۈشۈپ، يەنە بىر قېتىم چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1967-يىلى سىرتتىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، ئۇزۇن ئۆتمەي ئالجىرىيىدە نەزەربەنت قىلىنىپ، كېيىن مۇشۇ يەردە ئۆلگەن.

توممان

  • توممان[يەشمىسى:]Tom Mann، 1856 — 1941) ئەنگلىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى رەھبىرى. جامائەت ئەربابى. دەسلىپىدە سوتسىيال دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1889-يىلى لوندون پرىستان ئىشچىلىرىنى ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەنگلىيە تېخنىكىسىز ئىشچىلىرىنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئىشچىلار بىرلەشمىسى ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسكارلىرىدىن بولۇپ قالغان. 1894 — 1897-يىللىرى مۇستەقىل ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1902-يىلى ئاۋسترالىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنى تەشكىللەشكە ھەمكارلاشقان. 1920-يىلى ئەنگلىيە كومپارتىيىسىنى تەشكىللەش پائالىيىتىگە قاتناشقان. ئۆمرىدە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. «ئەسلىمە» دېگەن ئەسىرى بار.

تومسېن

  • تومسېن[يەشمىسى:]Christian Jurgensen Thomsen، 1788 — 1865) دانىيە ئارخېئولوگى. ياش ۋاقتىدا كۆپېنھاگېن دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى شىمالىي ياۋروپا قەدىمكى ئەسۋاب-جابدۇقلار مۇزېيى (ھازىرقى پادىشاھ مۇزېيى)دا ئىشلىگەن، كېيىن مۇشۇ مۇزېينىڭ باشلىقى بولغان. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دەسلەپكى ماددىي مەدەنىيىتى تەرەققىياتى تاش قورال، برونزا قورال ۋە تۆمۈر قورالدىن ئىبارەت ئۈچ دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن، دېگەن تەلىماتنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە 1818-يىلى تۇنجى قېتىم قەدىمكى ئەسۋاب-جابدۇقلارنى ئۈچ دەۋر تەلىماتى بويىچە رەتلەپ كۆرگەزمە قىلغان.1836-يىلى «قەدىمكى زاماندىكى شىمال ھەققىدە مۇقەددىمە»نى ئېلان قىلىپ، تارىختىن ئىلگىرىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقاتقا ئاساس سېلىپ بەرگەن. بۇ خىل دەۋرگە بۆلۈش ئۇسۇلى ئارخېئولوگىيە ساھەسىدە بۈگۈنگىچە قوللىنىلماقتا. «شىمالىي ياۋروپا قەدىمكى زامان ئىلمىدىن ئىپتىدائىي ساۋات» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

تونبۇرى خاندانلىقى

  • تونبۇرى خاندانلىقى[يەشمىسى:]Phong sadan Kvung Thonburi) 1767 — 1782-يىللىرى سىيام (تايلاند)دا ھۆكۈمرانلىق قىلغان فېئودال خاندانلىق. «فراكائۇ»غا قاراڭ.

توۋنسېند نىزامى

  • توۋنسېند نىزامى[يەشمىسى:] 1767-يىلى ئەنگلىيە پارلامېنتى شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش، زۇلۇم ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ماقۇللىغان تۆت قانۇننىڭ ئومۇمىي نامى. ئەنگلىيە مالىيە ۋەزىرى چارلېس توۋنسېند (Charles Townshend، 1725 — 1767) تۈزگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدا شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرگە كىرگۈزۈلىدىغان ماللاردىن چاي بېجى ئېلىنىدىغانلىقى، مۇستەملىكىلەر تاموژنىسى قۇرۇلىدىغانلىقى، ئېلىنغان چېگرا بېجى مەمۇرىي دائىرىلەر ۋە ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقى، ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرىدا جايلاردا چەكلەنگەن ماللار ۋە ئەتكەسچىلىك ماللىرىنى تەكشۈرۈش ھوقۇقى بارلىقى، مۇستەملىكىلەردىكى خەلقنىڭ شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئارمىيىنى بېقىش ئۈچۈن ئالاھىدە باج تاپشۇرۇشى شەرتلىكى بەلگىلەنگەن. نىزام نيۇ-يورك، ماسساچۇسېت شتاتلىرىدىكى خەلقنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىغان. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى شتات پارلامېنتىنى تارقىتىۋېتىش يولى بىلەن قىسماقچى بولغان، لېكىن تېخىمۇ قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن قىسمەن بەلگىلىمىلەرنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان، لېكىن چاي بېجى قاتارلىقلارنى يەنىلا ساقلاپ قالغان. بۇ «بوستون چايچىلىرى ۋەقەسى»نىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان. 

توئىكوگې كاتافۇتاتسۇ

  • توئىكوگې كاتافۇتاتسۇ[يەشمىسى:]1883 — 1948) ياپونىيە ھەربىي ئىشپىيونلىرىنىڭ باشلىقى، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرالى. ئۇرۇش جىنايەتچىسى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. جۇڭگودا ئۇزاق مۇددەت جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1928-يىلى فېڭتيەن ھەربىي ۋالىيسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1931-يىلى فېڭتيەندە تۇرۇشلۇق جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ باشلىقى بولغان. «18-سېنتەبر» ۋەقەسىنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن، قورچاق مانجۇرىيىنى ئويدۇرۇپ چىقارغۇچى باش جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى. 1933-يىلى فېڭتيەن جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ باشلىقلىقىغا قايتىدىن تەيىنلىنىپ، شىمالىي جۇڭگودىكى بەش ئۆلكىدە «مۇختارىيەت» سۇيىقەستىنى پىلانلىغان. 1935-يىلى جۇڭگونى «چېن دېچۈن-توئىكوگې كېلىشىمى»نى ئىمزالاشقا زورلىغان. «7-ئىيۇن» ۋەقەسىدىن كېيىن، چوڭ لاگېرغا بىۋاسىتە قاراشلىق «توئىكوگې ئورگىنى»نى قۇرۇپ، ۋۇپېيفۇنى ئۆزىگە تارتىپ، ۋاڭ جىڭۋېينى تىكلەپ، قورچاق ھاكىمىيەت پەيدا قىلغان. جۇڭگو خەلقى ئۇنىڭغا «باندىتلار مەنبەسى»دەپ نام بەرگەن، 1941-يىلى 6-ئايدا ھاۋا قاتنىشىنىڭ باش نازارەتچىسى بولغان، 1943-يىلى 5-ئايدا شەرقىي قىسىمنىڭ قوماندانى بولغان. ئىككىنچى يىلى 3-ئايدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا تاجاۋۇز قىلغۇچى 7-يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان، 1945-يىلى 4-ئايدا يۆتكىلىپ مائارىپ باش نازارەتچىسى بولغان. كېيىن 12-يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە بىرىنچى باش جۈننىڭ قوماندانى بولغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنغان. 1948-يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن دارغا ئېسىش جازاسى بېرىلگەن.

توياما مىتسۇرۇ

  • توياما مىتسۇرۇ[يەشمىسى:]Toyama Mitsuru، 1855 — 1944) ياپونىيىدىكى ئوڭ قانات رونىنلارنىڭ كاتتىبېشى. ياشلىقىدا كلاسسىك ئەسەرلەر توپلاملىرىنى ئۆگەنگەن. ھاگى قالايمىقانچىلىقىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن 1876-يىلى قولغا ئېلىنغان. غەربىي جەنۇب ئۇرۇشىدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئوڭ قانات تەشكىلاتلىرىدىن گېنيوشا، ئامۇر دەريا ئۇيۇشمىسى، رونىكاي ۋە بۈيۈك ياپونىيە ئىشلەپچىقىرىش پارتىيىسىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ بۈيۈك ئاسىياچىلىقنى كۆككە كۆتۈرۈپ، چاۋشيەننى يۇتۇۋېلىشنى، جۇڭگوغا باستۇرۇپ كىرىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ، چوڭ قۇرۇقلۇق سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن شەخسىي ئۇچرىشىشلاردا بولۇپ، تاجاۋۇزچىلىق مەخپىي پىلانلىرىنى تۈزۈشكە دائىم پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قاتناشقان. ئىلغار كۈچلەرگە زىيانكەشلىك قىلغان، ئۇ سىياسىي ساھە، مالىيە ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇپ كەلگەن. جۇڭگو شىنخەي ئىنقىلابى ھارپىسىدا باشقا بىر غەرەزلەر بىلەن سۇن جۇڭشەن ۋە تۇڭمېڭخۇينىڭ بىر بۆلۈك ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقان. ياپونىيە جاھانگىرلىكى ھەر قېتىم جۇڭگوغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغاندا، ئۇ قول ئاستىدىكىلىرىنى جۇڭگوغا ئەۋەتىپ ھەرىكەت قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئوڭ قانات ئۇنسۇرلار كاتتىباشلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەردىن چىققان.

توينبې

  • توينبې[يەشمىسى:]1) ئارنولد توينبې (Arnold Toynbee، 1852 — 1883) ئەنگلىيە سوتسىئولوگى، ئىقتىسادشۇناسى. لوندوندا تاشقى كېسەللەر دوختۇرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلىپىدە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېمېروك ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. كېيىن مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ باردىئو ئىنىستېتۇتىغا يۆتكەلگەن. 1878-يىلى مۇشۇ مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچى بولۇپ، ئىقتىساد تارىخىنى سۆزلىگەن. 1881-يىلى مۇشۇ ئىنستىتۇتنىڭ بوغالتىرىيە مۇدىرى بولغان. سانائەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ئىشچىلار ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشقا ئەڭ بالدۇر كىرىشكەن ئالىملارنىڭ بىرى. ئىشچىلارغا سۆزلىگەن ئاممىباپ نۇتۇقلىرىدا ھۆكۈمەت ئىشچىلار بىلەن كاپىتالىستلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئارىلاشسا بولمايدۇ، «شەخسلەرنىڭ توختامنامە تۈزۈش ئەركىنلىكى»گە ئارىلاشسا بولمايدۇ، دېگەن سۆزلەرگە زەربە بەرگەن. ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئەمگەكچىلەر سىنىپىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تەرغىپ قىلغان، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئېتىبار بېرىپ، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىرتىدا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، دوستلۇق جەمئىيەتلىرى، ھەمكارلىق ھەرىكەتلىرى، دىنىي جەمئىيەت ئىسلاھاتلىرىغا ياردەملىشىپ، بارنېت دىنىي رايونىنىڭ پوپى بولغان. ھېرىپ-چارچاپ ئاغرىپ قېلىپ، بۇرۇن قازا قىلىپ كەتكەن، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى «ⅩⅧ ئەسىردىكى ئەنگلىيە سانائەت ئىنقىلابى تېزىسلىرى» دېگەن تېمىدا 1884-يىلى نەشىر قىلىنغان. (2) ئارنولد جوسېف توينبې (Arnold Joseph Toynbee، 1889 — 1975) ئەنگلىيە تارىخشۇناسى، تارىخ مورفولوگىيىسى ئېقىمىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى. ئارنولد توينبېنىڭ جىيەنى. لوندوندا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ۋېنچېستېر ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى باررىئو ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ، كلاسسىك تەربىيە ئالغان، كېيىن ئافېنا برىتانىيە ئىنستىتۇتىغا بېرىپ ئارخېئولوگىيىدىن بىلىم ئاشۇرغان. 1912-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، قەدىمكى زامان تارىخىدىن دەرس ئۆتكەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى سىياسىي ئاخبارات باشقارمىسىدا ۋەزىپە ئۆتەپ، پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. 1919-يىلى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولۇپ شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى (ۋىزانتىيە) تارىخى ۋە يېقىنقى گرېتسىيە تارىخىدىن دەرس سۆزلىگەن. 1921 — 1922-يىللىرىدىكى گرېتسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە «مانچېستېر مۇھاپىزەت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى سالاھىيىتى بىلەن ئۇرۇش مەيدانىغا بېرىپ زىيارەت قىلغان. 1925-يىلى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تارىخ تەتقىقاتى پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان ھەمدە ئەنگلىيە خانلىق خەلقئارا ئىشلار ئىلمىي جەمئىيىتى تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە «خەلقئارا ئىشلاردىن ئومۇمىي مەلۇمات» يىللىق ژۇرنىلى (1920 — 1946) نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. بۇلاردىن باشقا يەنە لوندون ئىقتىساد ئىنستىتۇتى دۇنيا تارىخى پروفېسسورى بولغان ھەمدە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بىرمىنھام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات دوكتورى ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1937-يىلى ئەنگلىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولغان. 1943-، 1946-يىللىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. كېيىن تىنچلىقپەرۋەرگە ئايلانغان. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن 12 توملۇق «تارىخ تەتقىقاتى»، يەنە «سىناقتىكى مەدەنىيەت»،«بىر تارىخشۇناسنىڭ دىن قارىشى»، «ئىنسانىيەت ۋە زېمىن ئانام» قاتارلىقلار بار.

تويوتومى ھىدېيوشى

  • تويوتومى ھىدېيوشى[يەشمىسى:]1536 — 1598) ياپونىيە يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن فېئودال يەر ئىگىسى. ئوخارى ناكامۇرا (ھازىرقى ناگويا شەھىرى ناكمۇرا)دا تۇغۇلغان. دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، دەسلەپكى ئىسمى فوجىيوشى، فامىلىسى كىنوشىتا. 1558-يىلى ئودا نوبۇناگانىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، بارغانسېرى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىلگەن. 1573-يىلى ئۆزى تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان يەر ئىگىسى ئاسائى ناگاماسانىڭ كونا يەر-زېمىنى ئىنئام قىلىپ بېرىلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ فامىلىسىنى ھاشىبا، ئىسمىنى ھىدويوشىغا ئۆزگەرتكەن. 1582-يىلى بۇيرۇققا بىنائەن كيۇسىيۇنىڭ يەر ئىگىسى مورىغا ھۇجۇم قىلىپ تاكاماتسۇ ھىرىنى (ھازىرقى ئوكاياما شەھىرىنىڭ يېنىدىكى) قورشاۋغا ئالغان. ئودا نوبۇناگانىڭ ئاكاچى مىتسۇھىدې تەرىپىدىن قىستاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ دەرھال قوشۇنلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىپ مىتسۇھىدېغا قارشى جازا يۈرۈشى قىلىپ نوبۇناگانىڭ نەۋرىسىنى يۆلەپ تەختكە ئولتۇرغۇزغان. كېيىنكى يىلى شىباتاكاتسۇھبى نوبۇناگانىڭ ئۈچىنچى ئوغلى نوبۇتاكانى تىكلەشكە ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن ئاكاچىنى يوقاتقان ھەمدە ئوساكا شەھىرىنى قۇرغان. 1584-يىلى توكوگاۋا ئېيوشى بىلەن ئۇرۇشۇپ، جەڭ ۋەزىيىتىنىڭ پايدىسىز بولغانلىقىنى كۆرۈپ، سۈلھ قىلغان. 1585-يىلى كوياسان ۋە نېگوروتېرا كۈچلىرىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن يەنە شىكوكۇنىڭ يەر ئىگىسى چوسوكابې موتوچىكانى تارمار قىلىپ كامپاكۇ (تېننونىڭ ئەڭ ئالىي ياردەمچىسى)لىققا تەيىنلىنىپ ئوردا ئىشلىرىنى تىزگىنلىۋالغان. كېيىنكى يىلى يەنە قوشۇمچە داجوكان ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىنىپ فامىلىسىنى تويوتومى دەپ قوللىنىشقا باشلىغان، كېيىن تەدرىجىي ھالدا كىيۇسيۇنى تىنچىتقان، 1590-يىلى كانتوندىكى ھوتو ھاكىمىيىتىنى يوقىتىپ، ياپونىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. كېيىنكى يىلى شىمالىي قىسىمدىكى ھەرقايسى يەر ئىگىلىرىنى تىنچىتىپ ھەمدە كامپاكۇلىكنى ئاسراندى ئوغلى شۇجىغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۆزىنى «تەيخې»دەپ جاكارلىغان. 1592-يىلى ۋە 1596-يىلى ئىككى قېتىم چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىپ مەغلۇپ بولغان. 1593-يىلى ئاينولار زېمىنىدىكى (ھازىرقى خوككايدو ئارىلىدىكى) ماتسوماينى ئۆز تەۋەلىكىگە كىرگۈزۈۋالغان. مومويامادا فوشىمى شەھىرىنى (ھازىرقى كىيوتو شەھىرى ئىچىدە) قۇرغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە يەر تەكشۈرۈش ۋە قىلىچ قانۇنىنى يولغا قويۇپ، فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن ھەمدە ئىمتىيازلىق سودا-سانائەت تەشكىلاتلىرى ۋە چېگرا باجخانىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كاتولىك دىنىنىڭ تارقىلىشىنى چەكلىگەن. ئۆزىگە يېقىن ھەربىي باشلىقلار ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىغا ئۈزلۈكسىز ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆز كۈچىنى مۇستەھكەملىگەن. ئۆز ئورنىنى كىچىك ئوغلى ھىدېسېگە قالدۇرۇش نىيىتىدە 1595-يىلى ئاسراندى ئوغلى شۇجىنى ئۆلۈۋېلىشقا زورلىغان. مەملىكەت ئىچىدە قوشۇۋېلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئەمەلىيەتتە ئېدو دەۋرىدە جاھالەتلىك تۈزۈلمە تىكلەش ئۈچۈن يول تەييارلىغان. سىرتقا قارىتا چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان. 

تۇئەن پېراك

  • تۇئەن پېراك[يەشمىسى:]Tuan Perak، ؟ — 1498) مالاككانىڭ باش ۋەزىرى، ئەسلى يەرلىك ئەمەلدار. 1456-يىلى پادىشاھ مۇزەففەر شاھ (Muzaffar shah، 1446 — 1459-يىللار تەختتە ئولتۇرغان) ئۇنى باش ۋەزىر(Bendahara، بېنداخارا) لىققا تەيىنلىگەن. ئۆلگىچە شۇ ۋەزىپىنى ئۆتىگەن. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان 40 يىل داۋامىدا مالاككا قۇدرەت تېپىپ، سىيام (بۈگۈنكى تايلاند)نىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدا كېداغىچە بولغان رايوننى ۋە سوماترا ئارىلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىنى قوشۇۋالغان. 

تۇپاك ئامارۇ

  • تۇپاك ئامارۇ[يەشمىسى:]1) (Tupac Amaru، ؟ — تەخمىنەن 1571) پېرۇ ئىندىئانلىرىنىڭ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى، يېڭى ئىنكا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى (تەخمىنەن 1544 — 1571). 1536-يىلنىڭ بېشىدا ئاتىسى مانكو بىلەن بىرلىكتە ئىندىئانلارنىڭ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىل يېڭى ئىنكا دۆلىتىنى قۇرغان. ئاتىسى قۇربان بولغاندىن كېيىن، كۇسكو (Cuzco) نىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا ئىسپانىيە ئارمىيىسىگە زەربە بېرىدىغان پارتىزانلىق ئۇرۇشقا داۋاملىق رەھبەرلىك قىلىپ، مۇستەقىللىك يولىدىكى كۈرەشنى ئالاھازەل 30 يىل داۋاملاشتۇرغان. كېيىن ئالدىنىپ يىغىنغا بېرىپ قولغا ئېلىنغان، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى كۇسكو مەركىزىي مەيدانىدا ئۇنىڭ كاللىسىنى ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسمىنى نۇرغۇن ئىندىئانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆز پېتى قوللانغان. (2) تۇپاك ئامارۇ (Tupac Amaru، تەخمىنەن 1742 — 1781). پېرۇ ئىندىئانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى چوقۇندۇرغاندا قويغان ئىسمى جوسې گابرىئېل كوندوركانكى (Jose Gabriel Condorcanqui). تۇپاك ئامارۇ Ⅰ نىڭ ئەۋلادى. كۇسكودىكى سېن بىرنادو ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. پېرۇنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تىنتا رايونىنىڭ قەبىلە باشلىقى بولغان. 1780-يىلى 11-ئايدا كۇسكو ئەتراپىدا ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىندىئانلار قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، پۇل ۋە قوراللارنى تارتىۋېلىپ، ئىنكا ئىمپېرىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلاپ، ئۆزىنى تۇپاك ئامارۇ Ⅱ دەپ ئاتاپ، ئىنكا پادىشاھى بولغان. بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ھاشارنى بىكار قىلغان ۋە ئىسپانىيە ئەمەلدارلىرىنى جازالىغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى تېزلىكتە كېڭىيىپ 60000 كىشىگە يەتكەن، ھازىرقى پېرۇ، بولىۋىيە ۋە ئارگېنتىنانىڭ شىمالىي قىسمىغىچە تەسىر كۆرسەتكەن. كېيىن مۇستەملىكىچى ئارمىيە ھەدەپ قورشاپ ھۇجۇم قىلغان، 1781-يىلى 4-ئايدا ئۇنىڭ قوشۇنى تارمار قىلىنغان، 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

تۇپپېر

  • تۇپپېر[يەشمىسى:]Charles Tupper، 1821 — 1915). كانادا زۇڭلىسى (1896). ئېدىنبۇرگ داشۆسىنى پۈتتۈرۈپ، مېدىتسىنا ماگىستېرى ئۇنۋانىنى ئالغان. يېڭى سكوتىيە ئۆلكىلىك پارلامېنتنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى، كانادا دوختۇرلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، يېڭى سكوتىيىنىڭ زۇڭلىسى بولغان. 1870-يىلدىن كېيىن ماكدونالد ئىچكى كابىنېتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. تۆمۈريول-قانال مىنىستىرى بولغان مەزگىلىدە، تېچ ئوكيان تۆمۈريولىنىڭ ياسىلىشىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. 1880-يىلىدىن باشلاپ كانادانىڭ ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئالىي دەرىجىلىك ۋالىيسى بولغان. زۇڭلى بولغان مەزگىلىدە چېگرا بېجىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. «60 يىلنى ئەسلەش»دېگەن ئەسىرى بار.

تۇتموسⅢ

  • تۇتموسⅢ[يەشمىسى:]ThutmoseⅢ ياكى ThothmesⅢ) قەدىمكى مىسىردىكى 18-سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1504 — 1450). تەختكە چىققاندىن كېيىنكى 20 يىل ئىچىدە ئايال پادىشاھ خاتشېپسۇت (Hatshepsut) بىلەن بىللە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن، ئەمەلىيەتتە ئايال پادىشاھ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان. ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، كۆپ قېتىم سىرتقا قارىتا ئۇرۇش قوزغىغان. پەلەستىن بىلەن سۈرىيىگە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 17 قېتىم قوشۇن تارتىپ، مېگىددو (Megiddo) قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان، ئېفرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بابىلون، ئاسسۇرىيە ۋە خېتت ھۆكۈمرانلىرىنى مىسىرغا خىراج تۆلەشكە مەجبۇر قىلغان. يەنە لىۋىيە، نۇبىيە ۋە سىپرۇس ئارىلى قاتارلىق جايلارغا تاجاۋۇز قىلغان. زېمىنىنى شىمالدا سۈرىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغىچە، جەنۇبتا نىل دەرياسىنىڭ تۆتىنچى شارقىراتمىسىغىچە كېڭەيتىپ، مىسىر (يېڭى پادىشاھلىق)نى غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى قۇدرەتلىك ھەربىي ئىمپېرىيىگە ئايلاندۇرغان. كۆپلىگەن ئۇرۇش غەنىمەتلىرى، قۇللار ۋە يەرلەرنى ئامون ئىبادەتخانىسى ھەم باشقا چوڭ ئەمەلدارلارغا ھەدىيە قىلىپ، روھانىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھوقۇق-كۈچىنى ئۆستۈرۈپ قويغان. تېبېستىكى ئامون ئىبادەتخانىسىنى كېڭەيتىپ قۇرغان، نوبىيىدىمۇ ئىبادەتخانىلارنى ياساتقان، تاشقى سودا ۋە ئالاقىنى كەڭ تەرەققىي قىلدۇرغان. ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىل قەدىمكى مىسىر تارىخىدىكى ئەڭ تەسىرگە ئىگە دەۋر ھېسابلىنىدۇ.

تۇتېنكامون

  • تۇتېنكامون[يەشمىسى:]Tutenkhamon) قەدىمكى مىسىر 18-سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋىنى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1361 — 1352). ئەسلى ئىسمى تۇتېنكاتون (Tutenkhaton)، ئامېنخوتېپ Ⅳ نىڭ كۈيئوغلى ۋە ۋارىسى. ئامون كاھىنلىرى ۋە كونا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا، سابىق پادىشاھ ئەختاتوننىڭ دىن ئىسلاھاتىنى توختىتىپ قويغان. پايتەختنى ئەختاتون (Akhetaton، ھازىرقى تىل ئېل-ئامارنا) دىن تېبېسقا كۆچۈرگەن، ئامون ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن ياسىتىپ، تەڭرى ئامونغا چوقۇنۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن؛ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى توتېنكامونغا ئۆزگەرتكەن، ئۇ «ئاموننىڭ نامايەندىسى» دېگەن مەنىدە. مۇسادىرە قىلىۋېلىنغان ئامون ئىبادەتخانىسىنىڭ يەر-مۈلۈكلىرىنى قايتۇرۇپ بەرگەن، ئامون راھىبلىرى قايتىدىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان. ئۇ كېسەلچان بولغاچقا بالدۇر ئۆلۈپ كەتكەن. 1922-يىلى تېبېس ئەتراپىدا، ئارخېئولوگ كارت ئۇنىڭ ئوغرىلانمىغان بېجىرىم قەبرىسىنى تاپقان. قەبرە ئىچىگە ئالتۇن تاۋۇت، فىرئەۋىننىڭ مۇمياسى ۋە نۇرغۇن گۆھەر كۆمۈلگەن؛ ھازىر قاھىرە مۇزېيىدا ساقلانماقتا.

تۇخاچېۋىسكىي

  • تۇخاچېۋىسكىي[يەشمىسى:]Михаил Николаевнч Тухачевский، 1893 — 1937) سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى. ئاقسۆڭەك ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1918-يىلى قىزىل ئارمىيىگە قاتناشقان. شۇ يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، قىزىل ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىپ كولچاك، دېنىكىن ۋە پولشا پومېشچىكلىرىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. 1921-يىلى قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ كرونىشتادت توپىلىڭىنى باستۇرغان. 1922-يىلى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1925 — 1928-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1928 — 1931- يىللىرى لېنىنگراد ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى بولغان. 1931-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1934-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا سايلانغان. 1936-يىلى دۆلەت مۇداپىئە بىرىنچى مۇئاۋىن خەلق كومىسسارى، قوشۇمچە ھەربىي تەلىم-تەربىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1937-يىلى 5-ئايدا ھەربىيلىكتىن بوشىتىلغان ۋە قولغا ئېلىنغان، 6-ئايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

تۇدور سۇلالىسى

  • تۇدور سۇلالىسى[يەشمىسى:]Tudor) ئەنگلىيىدىكى فېئوداللىق خاندانلىق (1485 — 1603). لەنكاستېر جەمەتىنىڭ شىرەم تۇغقىنى ھېنرى تۇدور قۇرغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە فېئودال مۇستەبىتلىكنى يولغا قويغان، يۇلتۇزلۇق ساراي سوتىنى تەسىس قىلىپ، ئۆزىگە بويسۇنمىغان ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئەدىبىنى بەرگەن؛ زوراغالىق مەھكىمىسى قۇرۇپ، مەركىزىي ئاپپاراتنى كۈچەيتكەن؛ ئەنگلىيە دۆلەت دىنىنى بەرپا قىلىپ، ئۇنى پادىشاھ ھاكىمىيىتىنىڭ قورالى قىلغان؛ پارلامېنتنىڭ پائالىيىتىنى كېڭەيتىپ، بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقىنى ساقلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرگە پايدىلىق بولغان بەزى سىياسەتلەرنى يولغا قويغان، مەسىلەن، سودا-سانائەتنى ۋە دېڭىزچىلىق ئىشلىرىنى مۇكاپاتلىغان، سىرتقا قارىتا مۇستەملىكىچىلىك ۋە دېڭىز قاراقچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوغدىغان، ئىسپانىيە بىلەن دېڭىز زومىگەرلىكىنى تالاشقان، سەرگەردانلارنى باستۇرىدىغان قانلىق قانۇن ئېلان قىلغان ۋە باشقىلار. ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، كاپىتالىستىك چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىگەن، پورىتانلارنىڭ ھەرىكىتىنى باستۇرغان، فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى كۈچەپ قوغدىغان، شۇنىڭ بىلەن، كۈندىن-كۈنگە زورىيىۋاتقان بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇ سۇلالىنىڭ كورۇللىرى ۋە تەختتە تۇرغان يىللىرى مۇنداق: ھېنرى Ⅶ (1485 — 1509)؛ ھېنرى Ⅷ(1509 — 1547)؛ ئېدۋاردⅥ (EdwardⅥ، 1547—1553)؛ مارىⅠ (1553—1558)؛ ئېلىزاۋېتاⅠ (1558 — 1603). 1603-يىلى ئېلىزاۋېتا Ⅰ ئۆلگەندىن كېيىن پادىشاھلىق ئۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ستۇئارت سۇلالىسى ئالغان.

تۇدور ۋلادىمىرېسكۇ

  • تۇدور ۋلادىمىرېسكۇ[يەشمىسى:]Tudor Vladimirescu، 1780 — 1821) رومىنىيىدىكى ۋالاخىيە قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى. ۋلادىمىردا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1806 — 1812-يىللىرىدىكى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە رومىنىيە پىدائىيلار قوشۇنىدا پودپورۇچىك بولغان. 1814-يىلى قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىك يادروسىنى مەخپىي تەشكىللەپ، دوناي دەرياسى بويىدىكى ھەرقايسى كىنەزلىكلەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە پائال ھازىرلىق قىلغان. 1821-يىلى ئولتېنىيە (Oltenia) دە خەلق قوزغىلىڭى قوزغىغان ھەمدە «پادېس خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئەزگۈچىلەرگە قارشى تۇرۇش، پومېشچىك ۋە ئىبادەتخانىلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىش، پومېشچىكلارنىڭ ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلىشقا چاقىرىق قىلغان؛ ئادالەت ۋە ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلغان. قوزغىلاڭ تېزلىكتە مۇنتېنىيە ۋە مولدوۋاغىچە كېڭەيگەن. 3-ئايدا، قوشۇننى باشلاپ پايتەختكە كىرگەن. ئۇ ئارىسالدى بولۇپ ئا. ئىپوشلاند بىلەن ئىختىلاپلىشىپ قالغاچقا، رەھبەرلىك كۈچى ئاجىزلاشقان. 5-ئايدا، تۈركىيە ئارمىيىسى بۇخارېستقا قىستاپ كەلگەندە، قوشۇنىنى باشلاپ چېكىنىپ چىققان. يولدا شىتىلىيچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.

تۇراتى

  • تۇراتى[يەشمىسى:]Filippo Turati، 1857 — 1932)، ئىتالىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئوڭ قانات يولباشچىسى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. ئادۋوكاتلىقتىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا ئىتالىيە ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان، 1892-يىلى ئۇنىڭدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان. 1896-يىلدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولغان ۋە پارلامېنتتىكى سوتسىيال ئىسلاھاتچىلارغا رەھبەرلىك قىلغان. بۇرژۇئازىيە بىلەن ھەمكارلىشىش كۆز قارىشىنى ياقلاپ، ئىشچىلار سىنىپى ئىنقىلابىي كۈرەش تاكتىكىسىنى قوللىنىشتىن چوقۇم ۋاز كېچىشى لازىم دەپ قارىغان ۋە مەركىزىي پارلامېنت، يەرلىك قانۇن چىقارغۇچى ئورگانلارنى كونترول قىلىش، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، مائارىپ قاتارلىق ئورگانلارنى كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرغان، لېنىن ئۇنى ئىتالىيىنىڭ مىللېراندى دەپ ئاتىغان. ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى 1922-يىلى پارچىلانغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلغان. ئۇنىڭ ئوڭچىل ئاغمىچىلىقنى ئىزچىل يولغا قويۇشى، فاشىستلار پارتىيىسىنىڭ 1922-يىلى تەختكە چىقىشىغا پايدىلىق بولغان. 1926-يىلى 12-ئايدا فرانسىيىگە قېچىپ بارغان، كېيىن پارىژدا ئۆلگەن. 

تۇرگو

  • تۇرگو[يەشمىسى:]Anne Robert Jacques Turgot, baron de L ,Aulne، 1727 — 1781) فرانسىيە ئىقتىسادشۇناسى، فىزىئوكراتلارنىڭ ئاساسىي ۋەكىللىرىدىن بىرى. باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. روھانىي خىزمەت ئىشلىگەن. 1761 — 1774-يىللىرى لىموژنىڭ مەمۇرىي باشلىقى بولغان، كېيىن دىدېرو باش تەھرىرلىكىدىكى «قامۇس» قا ماقالىلەر يېزىپ تۇرغان. 1774-يىلى مالىيە باش تەپتىشى بولۇپ، فىزىئوكراتىزملىق ئىسلاھات پروگراممىسىنى يولغا قويغان، بىراق قارشىلىققا ئۇچراپ، 1776-يىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. فرانسىۋا-كېنىينىڭ يېزا ئىگىلىك ساپ مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ئىگىلىك تارمىقى توغرىسىدىكى نۇقتىئىنەزەرىگە ۋارىسلىق قىلغان. فىزىئوكراتىزملىق تەلىماتىنى تېخىمۇ تولۇق شەرھلەپ بەرگەن، كېنىينىڭ ئۈچ سىنىپ نەزەرىيىسىگە يەنە ئىشچىلار، كاپىتالىستلارغا ئايرىشنى قوشقان. ياللانما ئىشچى — «ئىككى بىلىكى ۋە كەسپىي ئىقتىدارى» بولغاچقىلا يېرىدىن مەھرۇم بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئەمگەك كۈچى بازىرىدىكى رىقابەت ئىش ھەققىنى پەقەت ئەڭ تۆۋەن بولغان تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىگىلا ئىگە بولۇش دەرىجىسىگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن، ئاساسىي كاپىتالىست (يەر مۈلۈكدارلىرى)نى يەرنى ئەڭ دەسلەپ ئۆزلەشتۈرگۈچىلەرنىڭ ۋارىسلىرى، قانۇن ئۇلارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، شۇنىڭغا تايىنىپ يەر ئىجارىسى يەنى يېزا ئىگىلىك ساپ مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋېلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، دەپ قارىغان؛ بۆلۈنۈپ چىققان كاپىتالىستلار (سانائەت، سودا ۋە قەرز پۇل كاپىتالىستلار) تىرىشچانلىق، ئىقتىسادچانلىقتىن بارلىققا كەلگەن، ئۇلار ئېرىشىۋاتقان ئۆسۈم ۋە ئايرىلىپ چىققان پايدىسى — يېزا ئىگىلىك ساپ مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەت دەپ ھېسابلىغان. تۇرگو كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى سىنىپىي قۇرۇلمىسىنى چۈشەندۈرۈش جەھەتتە، كېنىيغا قارىغاندا بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرىلىگەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېردىكى ئەسىرى «بايلىقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەقسىمات توغرىسىدا تەكشۈرۈش» دىن ئىبارەت.

تۇرگېنېۋ

  • تۇرگېنېۋ[يەشمىسى:]Иван Сергеевич Тургенев، 1818 — 1883)، روسىيىلىك يازغۇچى. ئوريولدىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1837-يىلى پېتربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات-تارىخ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ پەلسەپە ۋە كلاسسىك ئەدەبىياتنى داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگەنگەن. ياشلىق دەۋرىدە شېئىرلار («پالاشا»، «پومېشچىك» قاتارلىقلار) ۋە سەھنە ئەسەرلىرى («يۇندىخور»، «بويتاق» قاتارلىقلار) نى ئىجاد قىلغان.1847—1851-يىللاردا «ئوۋچى خاتىرىلىرى» نى ئېلان قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلغار تەنقىدچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن، بۇ ئەسەر كرىپوستنويلۇق تۈزۈمىگە قارشى «كۈچلۈك زەمبىرەك ئوقى» دەپ ئاتالغان. مۇشۇ سەۋەبتىن سۈرگۈن قىلىنغان. قاماقتىكى چېغىدا «مۇمۇ» دېگەن پوۋېستىنى يېزىپ، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. 1853-يىلى بوشىنىپ چىقىپ، «دەۋر ئىنسانلىرى» ژۇرنىلىدا داۋاملىق ئۆز ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «رودىن»، «ئاقسۆڭەك ئائىلىسى» دېگەن رومانلىرى ۋە «ئاشا»، «ئارتۇقچە ئادەمنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى» دېگەن پوۋېستلىرى ئېلان قىلىنىپ، ئاقسۆڭەك زىيالىيلارنىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولمايدىغانلىقى ۋە كۈرەش ئىرادىسىنىڭ كەمچىل بولىدىغانلىقىنى تەسۋىرلىگەن. 1860-يىلى «ھارپا» رومانىنى يېزىپ، بۇلغارىيىلىك ئىنقىلابچى ئېنسارىۋ بىلەن روسىيىلىك ئىلغار ياش قىزنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. «ئاتىلار ۋە بالىلار» دېگەن رومانىدا(1862)ئاقسۆڭەك لىبېرالىزمچىلار بىلەن ئاددىي زىيالىيلار ئارىسىدىكى ئىدىيىۋى توقۇنۇش سۈرەتلەنگەن. «تۈتۈن» دېگەن رومانىدا (1867) كونا ئاقسۆڭەكلەر بىلەن ئىلغار ياشلار ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىك كۈرىشىنى تەسۋىرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىدا بولغان. 1877-يىلى ئەڭ ئاخىرقى رومانى «بوز يەر» نى ئېلان قىلغان. كېيىن كېسەل بولۇپ ۋاپات بولغان.

تۇرنېر

  • تۇرنېر[يەشمىسى:]Frederick Jackson Turner، 1861 — 1932) ئامېرىكا تارىخشۇناسى. ئامېرىكا تارىخشۇناسلىقىدىكى «چېگرا رايون ئېقىمى» نىڭ ئاساسچىسى. 1884-يىلى ۋىسكونىست داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1890-يىلى خوپكىنىس داشۆسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1889 — 1910-يىللىرى ئانا مەكتەپ ۋىسكونىست داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1910-يىلى ئامېرىكا تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1910 — 1924-يىللىرى خارۋارد داشۆسىدە تارىخشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كالىفورنىيە شتاتىدىكى سان مارىنونىڭ خىندىكتون كۇتۇپخانىسىدا مۇئاۋىن تەتقىقاتچى بولغان. 1893-يىل 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئامېرىكا تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتىدە «چېگرا رايونلارنىڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى زور ئەھمىيىتى» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تارىخى توغرىسىدا يېڭى چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ⅪⅩ ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ غەربىدە ئۈزلۈكسىز تۈردە غەربكە قاراپ يۆتكىلىپ تۇرغان بىر چېگرا بولغان، بۇ ئامېرىكا تارىخىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزگەن مۇھىم ئامىل دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى «ئامېرىكا تارىخىدىكى چېگرا رايونلار»، «يېڭى غەربىي رايوننىڭ گۈللىنىشى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

تۇرنېر

  • تۇرنېر[يەشمىسى:]Joseph Mallord William Turner، 1775 — 1851) ئەنگلىيە مەنزىرە رەسسامى. ساتىراش ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بىناكارلىق ئۇستىسىنىڭ ياردەمچىسى بولغان. 1791-يىلى خان جەمەتى شۆيۈەنىدە ئىككى پارچە سۇ بوياق رەسىمىنى كۆرگەزمە قىلىپ ياخشى باھاغا ئىگە بولغان. كېيىن ماي بوياق رەسىملەرنى سىزىدىغان بولغان. سىۋىت بىلەن رەڭنىڭ ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بەرگەن، سۇ بوياق بىلەن ماي بوياق ماھارىتىنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈۋەتكەن. ئەنگلىيە خان جەمەتى گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ۋە پېرىسپېكتىۋلىق بويىچە پروفېسسور بولغان. ئۇ ئىشلىگەن دېڭىز-ئوكيان ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان تارىخىي مەنزىرە سۈرەت «قورقۇمسىز ناملىق ئۇرۇش پاراخوتى»، «نارسوننىڭ ئۆلۈمى» ئالاھىدە خىسلەتكە ئىگە؛ «يامغۇر، پار، سۈرئەت»، «ئاي يورۇقىدىكى كۆمۈر پورتى» قاتارلىق مەنزىرە سۈرەتلىرى شېئىرىي تۈسكە ئىگە، ئۇنىڭدا سىۋىت بىلەن رەڭنىڭ ئۈنۈمى كارامەت ئوبدان بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى فرانسىيە تەسىراتچىلار رەسسامچىلىقىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. 

تۇرې

  • تۇرې[يەشمىسى:]Tyre) فىنىك تىلىدا «سۇر» دېيىلىدۇ، «يار» دېگەن مەنىدە. قەدىمكى فىنىكىيىدىكى مۇھىم شەھەر، ھازىرقى لىۋاندىكى سۇر (Sur). مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرى، سەمىت كەنئانلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق جايلىرى مەيدانغا كەلگەن. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇللۇق تۈزۈمدىكى شەھەر بەگلىكى شەكىللەنگەن. بۇ قۇرۇقلۇق ۋە قۇرۇقلۇققا يېقىن دېڭىز ئارىلىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا قۇرۇقلۇقتىكى ئاھالە دېڭىز ئارىلىغا كۆچۈرۈلۈپ مۇداپىئەلەنگەن، بۇ قۇدرەتلىك قورغان دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، ئۇزاققىچە مىسىر ۋە خىتت (كىچىك ئاسىيا) نىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ ئەسىردە دۆلىتى قۇدرەت تاپقان، ھىرامⅠ(HiramⅠ) ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە (مىلادىدىن ئىلگىرى 969 — 936) كەڭ تۈردە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، شەھەرنى كېڭەيتكەن ۋە مۇستەھكەملىگەن؛ سىپىرۇسقا ئەسكەر كىرگۈزگەن، ئافرىقىغا يۈرۈش قىلغان. تۇرې دائىم سىدون بىلەن بىر قاتارغا قويۇلۇپ، فىنىكىيىنىڭ ئوبدان پورتى ۋە سودا-سانائەت مەركىزى بولغان. تۇرېلار پائال تۈردە تاشقى سودا ۋە مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مالتا، سىتسىلىيە ئارىلى، ئىبېرىيە يېرىم ئارىلى (ئىسپانىيە)غىچە بارغان ھەمدە جەبىلتارىق بوغۇزىدىن ئۆتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شىمالىي ئافرىقا (ھازىرقى تۇنىس)دا ئەڭ چوڭ مۇستەملىكە كارفاگېننى بەرپا قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن كېيىن، ئاسسۇر بىلەن يېڭى بابىلون (نېبۇچادنېززارⅡ)نىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان، لېكىن ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. مىلادىدىن 332 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيىلىك ئالېكساندر قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن، شەھەر قولدىن كەتكەندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ئاھالە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان، 30 مىڭ ئادەم قۇل قىلىنغان. مىلادىدىن 64 يىل ئىلگىرى رىم زېمىنىغا قوشۇلغان.

تۇرېن

  • تۇرېن[يەشمىسى:]Touraine) فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى قەدىمكى رايون نامى. قەدىمكى رىم دەۋرىدە شۇ جايغا ماكانلاشقان گاللىيەقەبىلىسى تۇرۇنېلار (Turones) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. Ⅹ ئەسىردە بەگلىك دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن. 1044-يىلى ئانجۇ بەگلىكىگە قوشۇۋېتىلگەن. 1154-يىلى ئانجۇ گرافى ھېنرىخ ئەنگلىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپ، ھېنرىخ Ⅱ دەپ ئاتالغاندا، بۇ رايون تەدرىجىي ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ يېرىگە ئايلانغان. 1202 — 1204-يىللىرى فرانسىيە كورۇلى فىلىپⅡ بۇ جاينى قايتۇرۇۋالغان، 1356-يىلى كىنەزلىككە ئايلانغان. 1360 — 1584-يىللىرى فرانسىيە كورۇلىنىڭ كەنجى ئوغلىنىڭ سۇيۇرغال يېرى بولغان. مەركىزى تور (Tours).

تۇرىئى

  • تۇرىئى[يەشمىسى:]Thurii) ئىتالىيىدىكى قەدىمكى شەھەر. لوكانىيە (Lukania) دېڭىز بويى، كراتىس (Crathis) دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا جايلاشقان، شىمالىي تارېنت قولتۇقىغا يېقىن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىلادىدىن 444 يىل ئىلگىرى قەدىمكى يۇناندىكى ئافىنالىقلار قۇرغان كولۇنىيە شەھىرى. شەھەر قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، شىمالدىكى قوشنىسى سىبارىس (Stbaris) بىلەن يەنە بىر يۇنان شەھىرى كروتون (Croton، ئىتالىيىنىڭ جەنۇبى) جەڭ قىلغان، سىبارىس مەغلۇپ بولۇپ ۋەيران قىلىۋېتىلگەن؛ بەختكە يارىشا ئامان قالغان بىر قىسىم سىبارىسلار يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى (بولۇپمۇ ئافىنا)نىڭ ياردىمىگە ئىگە بولۇپ، يېڭى شەھەر تورىئىنى قۇرغان. يېڭى شەھەر تېز تەرەققىي قىلىپ جەنۇبىي ئىتالىيە («چوڭ يۇنان» رايونى) دىكى مۇھىم شەھەرگە ئايلانغان؛ تارىخشۇناس ھېرودوت، ناتىق لىيىسئاس (Lysias) لار بۇ جايدا ياشىغان. سامنىئى ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە)دا بۇ شەھەر رىم ئارمىيىسىنى قوبۇل قىلغان؛ ئىككىنچى قېتىملىق پۇنىي ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرى)دا، گاننىبالغا قارشى تۇرغان. گاننىبال ئىتالىيىدىن چېكىنگەندە تۇرىئى شەھىرىنى (مىلادىدىن 204 يىل ئىلگىرى) ۋەيران قىلىۋەتكەن، ئۇنىڭ ئاھالىسى كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن رىملىقلار بۇ جايدا لاتىن كولۇنىيە رايونى قۇرۇپ، ئۇنىڭ نامىنى كوپىيە (Copiae) گە ئۆزگەرتكەن، لېكىن تۇرىئى دېگەن نام يەنىلا قوللىنىلغان. 

تۇرىنگېن

  • تۇرىنگېن[يەشمىسى:]Thuringen) گېرمانىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمىدىكى تارىخىي رايون نامى (سابىق دېموكراتىك گېرمانىيىدە)بولۇپ، تەخمىنەن غەربتە ۋېررا دەرياسى(Werra، ۋېزېر دەرياسىنىڭ بىر تارمىقى)دىن باشلىنىپ، شەرقتە ۋېئىس ئېلىستېر دەرياسى (Weisse Elster، ئېلبا دەرياسىنىڭ بىر تارمىقى)غىچە بولغان جاي. ئەسلىدە ئۇ گېرمانلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان تۇرىنگېنلار ئولتۇراقلاشقان رايون. مىلادى 531-يىلى فرانكلار بۇ جاينى بويسۇندۇرۇپ، فرانك پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرغان. 843-يىلى كارل ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن، شەرقىي فرانك پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان.1264-يىلى مىسسېنماركقا قوشۇۋېتىلگەن. 1485-يىلى ئۇنىڭ شىمالىي قىسمى ساكسونىيە كىنەزلىكىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. 1524 — 1525-يىللىرىدىكى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە، دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئاساسلىق رايونلىرىدىن بىرى بولغان.

تۇسسېن لوۋېرتۇر

  • تۇسسېن لوۋېرتۇر[يەشمىسى:]Francois Dominique Toussaint Louverture، 1743 — 1803) ھايتى ئىنقىلابىنىڭ داھىيسى. سان-دومىنىكودا تۇغۇلغان، نېگىر قۇلدىن كېلىپ چىققان. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ماتېماتىكا، تىبابەتچىلىك ۋە دورىگەرلىك قاتارلىق بىلىملەرنى ئىگىلىگەن. 1791-يىلى ھايتى ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن قوزغىلاڭغا قاتناشقان. 1794-يىلى قوزغىلاڭچى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ ھايتىغا بېسىپ كىرگەن ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىنى ئارالدىن قوغلاپ چىقارغان. 1795-يىلى گېنېرالىققا كۆتۈرۈلگەن، 1797-يىلدىن باشلاپ قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ باش قوماندانى بولغان. 1798-يىلى يەنە ئەنگلىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنى قوغلاپ چىقىرىپ، پۈتۈن زېمىننى كونترول قىلغان. 1801-يىلى ھايتىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئۆمۈرۋايەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە كۆرسىتىلگەن. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىپ، بۇيرۇق چۈشۈرۈپ پۈتۈن نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلغان، فرانسىيىنىڭ ئارالدىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى نامدا بار، ئەمەلدە يوق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. 1802-يىلى يەنە ناپولېئون ئەۋەتكەن 30 مىڭ كىشىلىكتىن كۆپرەك فرانسىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان چاغدا فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ئالداپ قولغا ئېلىنىپ، فرانسىيىدە تۈرمىگە سولانغان. 1803-يىلى 4-ئايدا تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن.

تۇغقانلىق تۈزۈم

  • تۇغقانلىق تۈزۈم[يەشمىسى:] قانداشلىق ياكى تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىدىكى نام سىستېمىسى ياكى ئومۇمىي قۇرۇلمىسى تۇغقانلىق تۈزۈمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئاتاش يالغۇز مۇئەييەن قانداشلىق ۋە تۇغقانلىق گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يىراق-يېقىنلىق مۇناسىۋەتتە ئىپادىلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئامېرىكا ئانتېرپولوگى مورگاننىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، تارىختا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ خىل ئاساسىي تۇغقانلىق تۈزۈم مەۋجۇت بولغان. ئۇلار مالاياچە تۇغقانلىق تۈزۈمى، تۇرانىلارچە ياكى كانوۋاننىيىچە تۇغقانلىق تۈزۈمى، ئارىيانچە تۇغقانلىق تۈزۈمىدىن ئىبارەت. مالاياچە تۇغقانلىق تۈزۈمى پولىنېزىيىلىكلەر ئارىسىدىن تېپىلغان بولۇپ، ھاۋايلىقلارنىڭ تۇغقانلىق تۈزۈمى ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە تىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى تۈرلەر بويىچە بولغانلىقىدا، يەنى، قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان بارلىق تۇغقانلار بىردەك بوغۇن بويىچە تۈرگە ئايرىلىپ، بەش بوغۇنغا بۆلۈنىدۇ (بوۋاي-مومايلار، ئاتا-ئانىلار، ئۆز قۇرامىدىكىلەر، ئوغۇل-قىزلار، نەۋرىلەر قاتارلىقلار). تەڭ بوغۇنلار ئوتتۇرىسىدا يىراق-يېقىن تۇغقانلار پەرقلەندۈرۈلمەستىن، بىردەك ئۆزئارا ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل دەپ ئاتىشىدۇ، ئالدىنقى بوغۇنلار تاغا، چوڭ دادا، ھاممائاچا، كىچىك ئاپا دەپ پەرقلەندۈرۈلمەستىن، بىردەك ئاتا-ئانا دەپ ئاتىلىدۇ، كېيىنكى بوغۇن تۇغقانلار جىيەن قىزىم، جىيەن ئوغلۇم دەپ پەرقلەندۈرۈلمەستىن، قىزىم، ئوغلۇم دەپ چاقىرىلىدۇ. تۇرانىيە (ئارىيانلار بىلەن سېمىتلاردىن باشقا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى تۈركىي قەبىلىلەر گۇرۇھى)چە ياكى كانوۋاننىيە (شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلارنىڭ قەبىلە گۇرۇھى) چە تۇغقانلىق تۈزۈم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇملاشقان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تامىللارنىڭ تۇغقانلىق تۈزۈمى بىلەن شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىروكىزلارنىڭ سېنكا قەبىلىسىنىڭ تۇغقانلىق تۈزۈمى ئۇنىڭ تىپىك شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى يەنىلا تۈرلەر بويىچە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا ھاممائاچا، تاغا، جىيەن، نەۋرە ئاكا-ئۇكا، نەۋرە ئاچا-سىڭىللار ئايرىم-ئايرىم ئاتىلىدۇ. ئارىيانچە تۇغقانلىق تۈزۈم مەرىپەت دەۋرىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىدىكى ئارىيانلارنىڭ تۇغقانلىق تۈزۈمى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى چۈشەندۈرۈش شەكلىدە، يەنى ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان بارلىق ئاتىلىشلار بويىچە بولۇپ، ئۇنىڭدا، بىۋاسىتە، شىرەم تۇغقانلار ۋە ئەر-ئاياللىق تارمىقى بويىچە ھەربىر ئادەمنىڭ تۇغقانلىق مۇناسىۋەتتىكى تۇتقان ئورنى توغرا چۈشەندۈرۈپ ئېيتىلىدۇ. يۇقىرىقى ئۈچ خىل تۇغقانلىق تۈزۈم ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا قانداش نىكاھلىق جەمەت، ئارىلاشما نىكاھلىق جەمەت ۋە بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمدىكى ئائىلە شەكلىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. تۇغقانلىق تۈزۈم بىلەن ئائىلە شەكلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت: مۇئەييەن ئائىلە شەكلىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن شۇنىڭغا ئۇيغۇن بولغان مۇئەييەن تۇغقانلىق تۈزۈمى شەكىللەنگەن؛ تۇغقانلىق تۈزۈمىنىڭ ئۆزگىرىشى ھامان ئائىلە شەكلىنىڭ تەرەققىياتىدىن كېيىن قالغان. مورگان ئەنە شۇ خىل مۇناسىۋەتكە ئاساسەن، مالاياچە تۇغقانلىق تۈزۈمدىن بارلىققا كەلگەن، ئەمما ئاللىقاچان يوقىلىپ كەتكەن ئائىلە شەكلى — قانداشلىق ئائىلىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن. مورگان «ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تۇغقانلىق تۈزۈمى» (1869) ناملىق ئەسىرىدە تۇغقانلىق تۈزۈمىنى تەپسىلىي تەھلىل قىلغان.

تۇغلۇق خاندانلىقى

  • تۇغلۇق خاندانلىقى[يەشمىسى:] ھىندىستان دېھلى سۇلتانلىقىنىڭ خاندانلىقى. 1321-يىلى، كالجى خاندانلىقىنىڭ پەنجاپتىكى باش ۋالىيسى غىياسىددىن تۇغلۇق (Ghiyas ud Din Tughluq، ؟ — 1325) دېھلىغا بېسىپ كىرىپ، كالجى خاندانلىقىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋالغان. خۇسراۋخان (Khusraw Khan) نى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى سۇلتان بولۇپ، تۇغلۇق خاندانلىقىنى قۇرغان. ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد تۇغلۇق (Muhammad Tughluq، 1325 — 1351-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئالدىنقى مەزگىلدە دۆلەت قۇدرەت تاپقان، كېيىنكى مەزگىلدە باج-سېلىق ئېغىرلىشىپ، خەلق قوزغىلىڭى ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ، ھەرقايسى جايلاردا كەينى-كەينىدىن توپىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، بەگ-تۆرىلەر تەپرىقە كۈچلىرى باش كۆتۈرگەچكە، خاندانلىق پارچىلىنىشقا يۈزلەنگەن. 1398-يىلى كۈزدە تېمۇر بېسىپ كىرگەن، دېھلى قولدىن كەتكەن. ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا تېمۇر چېكىنگەندە، سۇلتان يەنە دېھلىغا قايتىپ كەلگەن، لېكىن ئۇنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرى دېھلى ئەتراپى ۋە پەنجاپ ئەتراپلىرىغىلا يەتكەن. 1414-يىلى تۇغلۇق خاندانلىقىنىڭ ئورنىغا سەييىد(Sayyid) خاندانلىقى دەسسىگەن.

تۇگان بارانوۋىسكى

  • تۇگان بارانوۋىسكى[يەشمىسى:] (Михаил Иванович Туган - Барановский، 1865 — 1919) روسىيىلىك بۇرژۇئا ئىقتىسادشۇناسى، «قانۇنىي ماركسىزم» چىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى. خاركوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. پېتربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئۇنىۋېرسال تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا پروفېسسور بولغان. 1905-يىلدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە كادېتلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئوكرائىنا مەركىزىي راداسى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە مىنىستىرى بولغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەسىرى «روسىيە زاۋۇتلىرىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقىسى» ناملىق كىتابىدا، ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيانقى روسىيىدە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتى بايان قىلىنىپ، نارودنىكلارنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرى تەنقىد قىلىنغان. كېيىن «ھازىرقى زامان ئەنگلىيە سانائەت كرىزىسى، ئۇنىڭ سەۋەبى ھەمدە خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرى»، «سىياسىي ئىقتىساد ئاساسلىرى» ۋە «ئىجتىمائىي تەقسىمات توغرىسىدا» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئەمگەك قىممىتى نەزەرىيىسىگە قارشى چىققان، چەت ئۈنۈم نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلغان؛ ماركسنىڭ تەكرار ئىشلەپچىقىرىش نەزەرىيىسىنى بۇرمىلاپ، كاپىتالىزمنىڭ تۈپ زىددىيەتلىرىنى يوققا چىقارغان؛ پرولېتارىيات كۈرىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىنكار قىلغان ھەمدە ئوچۇقتىن-ئوچۇق كاپىتالىزمنى ئاقلىغان.

تۆگە جېڭى

  • تۆگە جېڭى[يەشمىسى:] ئىسلام دىنى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئىچىدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق جەڭ. مىلادى 656-يىلى خەلىپە ئوسمان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەلى خەلىپە بولۇپ سايلىنىپ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تۇل ئاياللىرى ئائىشە ۋە تېلھا، زۇبەيرە باشچىلىقىدىكى ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇلار ئوسمان ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش شوئارى ئاستىدا، ئەسكەر تارتىپ ئەلىگە قارشى تۇرغان، ھەزرىتى ئەلى ئەسكەر باشلاپ كېلىپ باستۇرغان. شۇ يىلى 12-ئايدا بەسرە شەھىرىنىڭ سىرتىدا ئىككى تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرى ئېلىشقان، ئائىشە ئەسكەرلىرىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، توسۇقلانغان تۆگە ئۈستىدە ئولتۇرۇپ جەڭگە نازارەت قىلغان، شۇڭا بۇ «تۆگە جېڭى» دەپ ئاتالغان. نەتىجىدە ھەزرىتى ئەلى غەلىبە قىلىپ، تېلھا بىلەن زۇبەيرە ئۇرۇشتا ئۆلگەن، ئائىشە ئەسىرگە ئېلىنىپ، مەدىنىگە قايتۇرۇلغان.

تۇلۇزا بەگلىكى

  • تۇلۇزا بەگلىكى[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئەسىردە فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى لانگېدوك رايونىغا جايلاشقان بەگلىك بولۇپ، تۇلۇزا (Toulouse) شەھىرىنى مەركەز قىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. مىلادى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دۆلەت قۇرۇلغان. Ⅹ ئەسىردىن Ⅺ ئەسىرگىچە فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ فېئودال تەپرىقىچى كۈچ بولۇپ قالغان. چېگرىسى ئىچىدىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان، ئاساسلىق شەھەرلىرىدىن تۇلۇزادىن باشقا يەنە ناربون (Narbonne)، كاركاسسون (Carcassonne) ۋە نىم (Nimes) قاتارلىقلار بار. Ⅻ ئەسىردىن ⅩⅢ ئەسىرگىچە چېگرىسى ئىچىدە ئالبىچىلار ھەرىكىتى كەڭ ئەۋج ئالغان. 1229-يىلى فرانسىيە كورۇلىنىڭ يېرىگە قوشۇۋېتىلگەن.

تۇماسىك

  • تۇماسىك[يەشمىسى:]Tumasik ياكى Tumasak) سىنگاپورنىڭ كونىچە ئاتىلىشى. سانسىكرىت تىلىدا سىنگاپۇرا (Singhapura) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. (شىر شەھىرى دېگەنلىك بولىدۇ). دەسلەپ سىرىۋىجا ياغا قارام بولغان. 1025-ۋە 1068-يىلى جەنۇبىي ھىندىستاندىكى كولا دۆلىتى ئىككى قېتىم تاجاۋۇز قىلغان. تەخمىنەن ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى سىيام دۆلىتىنىڭ 70 تىن ئوشۇق ئۇرۇش كېمىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. 1356-يىلى يەنە مادجاپاخىت پادىشاھلىقىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. ⅩⅤ ئەسىردىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مالاككا ۋە جوخورې پادىشاھلىقىغا قارام بولغان. 1824-يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان.

تۇمانلىق ئاينىڭ ئون سەككىزىنچى كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش

  • تۇمانلىق ئاينىڭ ئون سەككىزىنچى كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش[يەشمىسى:] فرانسىيىدە ناپولېئون بوناپارت قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىش. ناپولېئون 1799-يىلى 10-ئايدا مىسىر ئالدىنقى سېپىدىن فرانسىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، نازارەتچى ئەمەلدار سېيېس، روگېر-دۇكوس (Roger Ducos، 1754 — 1816)، بەش يۈز كىشىلىك كېڭەش باشلىقى لۇتىسئېن بوناپارت، مىنىستىر فوئۇخې، تاللېيراند قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ، 11-ئاينىڭ 9 — 10-كۈنلىرى (جۇمھۇرىيەتنىڭ 8-يىلى تۇمانلىق ئاينىڭ 18 — 19-كۈنلىرى) ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ئۆمىكىنى نازارەتچى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىش، پارلامېنتنىڭ ئىككى پالاتاسىنى تازىلاش، ناپولېئون، سېيېس ۋە روگېر-دۇكوسلاردىن تەركىب تاپقان ۋاقىتلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ھۆكۈمەتنى تەشكىللەش، يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش قاتارلىق قارارلارنى ماقۇللاشقا مەجبۇرلىغان. 12-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇمھۇرىيەتنىڭ 8-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ھۆكۈمەت رەسمىي قۇرۇلغان، ناپولېئون بىرىنچى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ئەمەلدارلىققا تەيىنلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ناپولېئوننىڭ 15 يىللىق ھەربىي مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان.

تومۇز ئېيى تەرەپدارلىرى

  • تومۇز ئېيى تەرەپدارلىرى[يەشمىسى:] فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشى قوزغىغان سىياسىي تەشكىلات. ئەزالىرىنىڭ تولىسى روبېسپېررېگە قارشى مىللىي ئۇيۇشما ئەزالىرى، ئۇنىڭ ئىچىدە تۈزلەڭچىلەر، دانتونچىلار، ھېبېرتچىلارنىڭ قالدۇقلىرى، شۇنىڭدەك سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن چاقىرىۋېلىنغان گروندېچىلار بار؛ ئۇ چېچىلاڭغۇ مۆتىدىلچىلەرنىڭ ئىتتىپاقى بولۇپ، بۇرژۇئا ئىنقىلابىي مەزگىلىدە بېيىغان يېڭى بايلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بارراس، فۇچې، تاللىئېن، فرېرون قاتارلىقلار ئىدى. ئۇلار ھەم كونا تۈزۈمنى تىرىلدۈرۈشكە قارشى تۇرغان، ھەم ئىنقىلابنى ياكوبىن دىكتاتۇرىسى ۋاقتىدىكى ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، كاپىتالىستىك نورمال تەرتىپ ئورنىتىپ، چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن سىياسىي تۈزۈم ئورناتماقچى بولغان.

تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشى

  • تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشى[يەشمىسى:] فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە ياكوبىن دىكتاتۇرىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان سىياسىي ئۆزگىرىش. ئۇ يېڭى يىلنامە بويىچە جۇمھۇرىيەتنىڭ 12-يىلى تومۇز ئاينىڭ 9-كۈنى (1794-يىل 7-ئاينىڭ 27-كۈنى) بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان.1794-يىل 6-ئايدا فىلېئۇرۇس (Fleurus، بۈگۈنكى بېلگىيە چېگرىسى ئىچىدە) جېڭى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، تاشقى غەم ئاستا-ئاستا تۈگەپ ياكوبىنچىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەت كۈندىن-كۈنگە كۈچەيگەن، بۇرژۇئازىيە روبېسپېرېچىلارنىڭ تېررورلۇق سىياسىتىگە تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان دانتونچىلارنىڭ قالدۇقلىرى تۈزلەڭچىلەر بىلەن بىرلىشىپ، تومۇز ئاينىڭ 9-كۈنى مىللىي ئۇيۇشمىنىڭ بىر يىغىنىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان. روبېسپېررې، سېن-جۇسىت، كوتۈن، لېبا قاتارلىق كىشىلەر قولغا ئېلىنىپ، 10-كۈنى كاللىسىنى ئېلىش ئۈچۈن مەيدانغا ئېلىپ چىقىلغان؛ 11 — 12-كۈنلىرى روبېسپېررېچىلاردىن يەنە 82 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىن «گۇمانلىق جىنايەتچىلەر قانۇنى» (1793-يىل 9-ئاينىڭ 17-كۈنى) ۋە «چوپان ئېيى پەرمانى» (1794-يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنى) بىكار قىلىنىپ، مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلىپ، سۈرگۈن قىلىنغان گروندېچىلار چاقىرىۋېلىنغان، ئىنقىلابىي سوت ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنىپ، ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتىنىڭ ھوقۇقى قىسقارتىلغان، ھەردەرىجىلىك ئىنقىلابىي كومىتېتلار تازىلىنىپ، ياكوبىنچىلار كۇلۇبى پېچەتلەنگەن، سودا ئەركىنلىكى قاتارلىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلغان. تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشىدە تومۇز ئايچىلار ۋەكىللىك قىلغان چوڭ بۇرژۇئازىيە ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغان، بۇ فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تۆت پەسىل جەمئىيىتى

  • تۆت پەسىل جەمئىيىتى[يەشمىسى:] فرانسىيىنىڭ ئىيۇل خاندانلىقى مەزگىلىدىكى مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات. ئىيۇل خاندانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە «خەلق دوستلىرى جەمئىيىتى»، «كىشىلىك ھوقۇقى ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى جەمئىيىتى» ئارقا-ئارقىدىن تارقىتىۋېتىلگەن. 1835-يىلى بلانكى قاتارلىق كىشىلەر «جەمەتلەر جەمئىيىتى» نى قۇرغان، 1837-يىلى «تۆت پەسىل جەمئىيىتى» قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن. ئۇنىڭ مەقسىتى: ھازىرقى مالىيە ئاقسۆڭەكلىرى ھاكىمىيىتىنى زوراۋانلىق كۈچى ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلاش، ئاز ساندىكى ئىنقىلابچىلار دىكتاتۇرىسى ئارقىلىق جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. ئاساسىي قاتلام ئورنى «ھەپتە» (7 ئادەم) بولۇپ، تۆت «ھەپتە» بىر «ئاي»نى (28 ئادەم)، ئۈچ «ئاي» بىر «پەسىل»نى، تۆت «پەسىل»بىر«يىل»نى تەشكىل قىلغان. 1839-يىلى باھارغىچە جەمئىيەت ئەزالىرى تەخمىنەن 4 — 5 مىڭ كىشىگە يەتكەن. شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى پارىژ قوزغىلىڭىنى قوزغاپ، شەھەر مەمۇرىيىتى مەھكىمىسىنى ئىگىلىگەن. لېكىن ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن شۇ كۈنىلا باستۇرۇلغان. بلانكى قاتارلىق كىشىلەر قولغا ئېلىنىپ تۆت پەسىل جەمئىيىتى بىتچىت قىلىنغان.

تۆت دۆلەت بىرلەشمە فلوتىنىڭ شىمونوسېكىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسى

  • تۆت دۆلەت بىرلەشمە فلوتىنىڭ شىمونوسېكىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسى[يەشمىسى:] يەنى «شىمونوسېكى ۋەقەسى».

تۆت دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بېرلىن يىغىنى

  • تۆت دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بېرلىن يىغىنى[يەشمىسى:] سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە تۆت دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 1954-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە بېرلىندا يىغىن ئۆتكۈزگەن. 2-ئاينىڭ 18-كۈنى «سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە تۆت دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بېرلىن يىغىنىنىڭ ئاخباراتى» ئېلان قىلىنىپ، تۆۋەندىكىچە كېلىشىم ھاسىل قىلغان: (1) جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلار شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى جەنۋەدە يىغىن ئېچىپ، چاۋشيەن مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ۋە ھىندىچىنى تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ؛ (2) سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە تۆت دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش مەسىلىسىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. يىغىندا گېرمانىيە مەسىلىسى، ياۋروپا خەۋپسىزلىك مەسىلىسى ھەمدە ئاۋسترىيە مەسىلىسى قاتارلىقلاردا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان، لېكىن ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغان.

تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى

  • تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]1) 1718-يىلىدىكى ئەنگلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە، ئاۋسترىيىلەرنىڭ ئىسپانىيىنى 1713-يىلىدىكى «ئوترېخت سۈلھ شەرتنامىسى» گە ئەمەل قىلىشقا زورلايدىغان ئىتتىپاق. (2) 1815-يىل 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى ئاۋسترىيە، پرۇسسىيە، روسىيە، ئەنگلىيىلەرنىڭ پارىژ شەرتنامىسىنى ئىمزالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ شەرتنامىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئىتتىپاقى. (3) 1834-يىلىدىكى ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ بىرلىشىپ دون كارلوس (Don Carlos، 1788 — 1855) ۋە دوم مىگېل (Dom Miguel، 1802 — 1866) لارنىڭ ئىسپانىيە پادىشاھلىق تەختىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى. (4) بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، تۈركىيە، بۇلغارىيە گۇرۇھىنىڭ ئاتىلىشى. 1914-يىلى تۈركىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە گۇرۇھىغا قاتناشقان، كېيىنكى يىلى بۇلغارىيىمۇ قاتنىشىپ تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى شەكىللەنگەن.

تۆت ساتيا

  • تۆت ساتيا[يەشمىسى:] سانسكرىتچە: Catursatya نىڭ تەرجىمىسى. تۆت مۇقەددەس ھەقىقەت (Caturaryasatya) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇددا دىنىنىڭ تۈپ دىنىي ئەقىدىسى.تۆت ساتيا: ئازاب ساتياسى (Duhkha satya)، سەۋەب ساتياسى (Samudya satya)، خالاس ساتياسى (Nirodha satya) ۋە يول ساتياسى (Marga satya) دىن ئىبارەت بولۇپ، مەنىسى تۆت خىل ھەق دېگەنلىك. ئۇلار بۇددىزمنىڭ ئومۇمىي كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئازاب ساتياسى كىشىلىك ھاياتىدىكى تۈرلۈك ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى، يەنى تۇغۇلماق، قېرىماق، ئاغرىماق، ئۆلمەك، كۆيۈنمەك-ئايرىلماق، ئاداۋەت-نەپرەتلەنمەك، ئارزۇسىغا يېتەلمەسلىك، بەش كاندىھادىن ئىبارەت سەككىز ئازابنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. سەۋەب ساتياسى، كۆپلىگەن ئازابلارنىڭ سەۋەبلىرىنى،يەنى ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ يىلتىزى ھەۋەس بىلەن نەپسانىيەتتە ئىكەنلىكىنى (ھەۋەس بىلەن نەپسانىيەت ئۆزئارا مۇناسىپ بولۇپ، كۆڭۈل بۇلغىنىدىغانلىقىنى) چۈشەندۈرىدۇ. بۇددا دىنى كىشىلەردە نەپسانىيەت بىلەن ھەۋەس بولىدىكەن، مۇقەررەر قىلمىش-ئەتمىش بولىدۇ، قىلمىش-ئەتمىشتىن كېيىن جەزمەن ئۇنىڭ سەۋەب-نەتىجىسى بولىدۇ؛ سەۋەب-نەتىجە بولىدىكەن، چوقۇم قايتا تۆرىلىپ، باشقىدىن ئازابلىنىدۇ دەپ قارايدۇ. خالاس ساتياسى ئازاب-كۈلپەت سەۋەبىنى خالاس قىلىپ، نىرۋانىغا ئېرىشىشنىڭ يوللىرىنى چۈشەندۈرىدۇ. نىرۋانا بۇددا دىنى ئويدۇرۇپ چىققان تۇغۇلمايدىغان ۋە ئۆلمەيدىغان ھەمدە زادىلا قايتا تۆرەلمەيدىغان ئەڭ يۈكسەك ماكان. يول ساتياسى نىرۋانىغا ئېرىشمەك ئۈچۈن قىلىش زۆرۈر بولغان تائەت-ئىبادەت يوللىرى(Aryastangikamarga) نى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. «تۆت ساتيا» سىنىپىي زۇلۇمدىن بولىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېغىزغا ئالمايدۇ. ئۇ بىر خىل پاسسىپ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىدىن ئىبارەت.

تۆت گوسپىئېل

  • تۆت گوسپىئېل[يەشمىسى:] يەنى «گوسپىئېل كىتابى».

تۆت كۈچلۈك دۆلەت ئەھدىنامىسى

  • تۆت كۈچلۈك دۆلەت ئەھدىنامىسى[يەشمىسى:] تولۇق ئاتىلىشى «فرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيىلەرنىڭ ئۆزئارا ئەپۇ قىلىش ۋە ھەمكارلىشىش كېلىشىمى». 1933-يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيىلەر رىمدا ئىمزالىغان. ئاساسلىق مەزمۇنى: ئەھدىلەشكەن ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىلەرنى ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىدۇ، ياۋروپانىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار بارلىق مەسىلىلەردە ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ؛ ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر خەلقئارا ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنلىرىدا ھەل بولۇنماي كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىش يولى بىلەن ھەل قىلىدۇ؛ ئەھدىلەشكەن ھەرقايسى دۆلەتلەر «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى» نىڭ ۋاقتى ئۆتكەن مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىنى بىرلىكتە تەكشۈرىدۇ، دېگەنلەردىن ئىبارەت. بۇ شەرتنامە ئەنگلىيە، فرانسىيە ھۆكۈمران گۇرۇھىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقتىن چەتلەپ، گېرمانىيە-ئىتالىيە فاشىستلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش خاھىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. لېكىن جاھانگىرلىك زىددىيىتىنىڭ كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىشى ھەمدە ياۋروپادىكى باشقا ئوتتۇرا، كىچىك دۆلەتلەرنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن، بۇ ئەھدىنامىنى تۆت دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلىمىغان.

تۆتىنچى قارار لايىھىسى

  • تۆتىنچى قارار لايىھىسى[يەشمىسى:] «تېللېر قارار لايىھىسى» گە قاراڭ.

تۆتىنچى نۇقتىلىق پىلان

  • تۆتىنچى نۇقتىلىق پىلان[يەشمىسى:] ئارقىدا قالغان رايونلارغا تېخنىكا ياردىمى بېرىش پىلانى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ يېڭى مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنىڭ بىر خىل شەكلى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترومىننىڭ 1949-يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خىزمەتنى تاپشۇرۇۋېلىش نۇتقىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «تۆت نۇقتىلىق ئاساسىي ھەرىكەت پرىنسىپى» نىڭ تۆتىنچى نۇقتىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇنداق ئاتالغان. ئۇنىڭدا ئارقىدا قالغان رايونلارنى ھازىر بار بولغان ئىلغار ئىلىم-پەن ۋە تەرەققىي تاپقان سانائەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزگەرتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ۋە دادىل پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا «تەرەققىي تاپمىغان» دۆلەتلەرگە «تېخنىكا ياردىمى» بېرىپ ۋە مەبلەغ سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، دېيىلگەن. 1950-يىل 6-ئاينىڭ 5-كۈنى تۆتىنچى نۇقتىلىق پىلان ئامېرىكا پارلامېنتى ماقۇللىغان «سىرتقا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش قانۇنى» نىڭ تۆتىنچى پاراگرافى، يەنى «خەلقئارا ئېچىش قانۇنى» قىلىنغان. ئۇ ئامېرىكىنىڭ سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنىڭ ئاساسىي تەركىبىي قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تۆرىلەر

  • تۆرىلەر[يەشمىسى:] 1869 — 1947يىللاردا ياپونىيىدىكى كونا سامورايلارنىڭ نامى. 1869-يىلى مېيجى ھۆكۈمىتى ھەرقايسى ۋاسساللارغا «زېمىن تەۋەلىكىنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە» بۇيرۇق چۈشۈرگەن ھەمدە ھەرقايسى ۋاسساللاردىكى سامۇرايلارنى ۋە ئۇلارنىڭ جەمەتىنى تۆرىلەر، نۆكەرلەردىن تۆۋەنلەرنى ئەسكەر دەپ بېكىتكەن. 1872-يىلى يەنە نەسەبىي ئەسكەرلەرنى تۆرىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، قالغانلىرىنى ئاددىي پۇقرالار قاتارىغا كىرگۈزگەن. 1873-يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۆرىلەر تەخمىنەن 410 مىڭ ئائىلە بولۇپ، نوپۇسى 1 مىليون 900 مىڭ كىشىگە يەتكەن، ئۇلارنىڭ ئورنى ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىدىن تۆۋەن، ئاددىي پۇقرالاردىن يۇقىرى ئىدى. شۇ چاغدا ئۇلار مائاش ئېلىپ تۇرۇش، قورال-ياراقلىق يۈرۈش ئىمتىيازىغا ئىگە ئىدى. بىراق ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ ئىمتىيازلار بىكار قىلىنغان. بىر قىسىم تۆرىلەر نارازى بولغانلىقتىن ھۆكۈمەتكە قارشى توپىلاڭغا قاتناشقان، لېكىن كۆپ قىسىم تۆرىلەر دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدا مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئاھالە نوپۇس قانۇنىغا ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ (1947-يىل)، تۆرە دېگەن نام بىكار قىلىنغان.

تۆمۈر ئاتلىقلار قوشۇنى

  • تۆمۈر ئاتلىقلار قوشۇنى[يەشمىسى:]ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى يېڭى ئۈلگىلىك ئارمىيىدىكى كرومۋېل رەھبەرلىك قىلغان ئاتلىق ئەسكەرلەر قىسىمى. 1643-يىلى تەشكىل قىلىنغان، ئۇنىڭ ئەزالىرى ئاساسەن ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلاردىن كەلگەن، ئۇلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن جەڭگە قاتناشقان، ئىنتىزامى چىڭ بولغان، تاكتىكىغا ئەھمىيەت بەرگەن، بۇيرۇق بويىچە سەپ شەكلىنى تېزدىن ئۆزگەرتەلىگەن ھەم توپلىشىپ جەڭ قىلالىغان، ھەم تارقاق جەڭ قىلالىغان. ماكېدونىيە جېڭىدە پادىشاھ-پەرەسلەر ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان، پادىشاھپەرەسلەر ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى روپېرت (Rhina Rupert، 2861 - 9161) كرومۋېلنى تۆمۈر ئاتلىق قېرى دەپ ئاتىغان، بۇ نام كرومۋېل يېتەكچىلىك قىلغان ئاتلىق ئەسكەرلەرگە قويۇلغان.

تۆمۈر توسۇق دەۋرى

  • تۆمۈر توسۇق دەۋرى[يەشمىسى:] مۇتەئەسسىپلىك سىياسىتىنى يولغا قويغان ئاۋسترىيە تائاففې ئىچكى كابىنېتى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر (3981 - 9781) نى كۆرسىتىدۇ. تائاففې ئىچكى كابىنېتى تۆمۈر توسۇق (يەنى فېئوداللىق دىنىي ھاكىمىيەت ئىتتىپاقى) نىڭ قوللىشىغا تايانغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇ «تۆمۈر توسۇق ھۆكۈمىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۈندىن-كۈنگە چوڭقۇرلىشىۋاتقان سىنىپىي زىددىيەت ۋە مىللىي زىددىيەتنى يېڭىش غەيرىي نېمىس مۇتەئەسسىپ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمەتتىكى ئورنىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، تائاففې ھۆكۈمىتى ئەركىن بۇرژۇئازىيىنى بېسىش ۋە ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ھەرقايسى مىللىي رايونلاردىكى مۇتەئەسسىپلەر گۇرۇھىنى ئۆزىگە تارتقان؛ كىشىنى قايمۇقتۇرۇش ۋاسىتىسى بىلەن دېموكراتىك ھەرىكەتكە قارشى تۇرغان ھەمدە ئىجتىمائىي قانۇن چىقىرىشتەك ئازغىنە يول قويۇش ئارقىلىق ئىشچىلار سىنىپى بىلەن بولغان زىددىيەتنى پەسەيتىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرغان.

تۆمۈر-قان سىياسىتى

  • تۆمۈر-قان سىياسىتى[يەشمىسى:] پرۇسسىيىنىڭ خاندانلىق ئۇرۇشى ئارقىلىق گېرمانىيىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىتى. 1862-يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، پرۇسسىيە باش ۋەزىرى بىسمارك يۇنكىر ئاقسۆڭەكلەر ۋە چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، پارلامېنتتا «زامانىمىزدىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى نۇتۇق سۆزلەش ۋە كۆپچىلىك قارار قىلىش بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، ... بەلكى ئۇنى تۆمۈر ۋە قان بىلەن ھەل قىلىش شەرت، گېرمانىيىنىڭ كۆزدە تۇتىدىغىنى پرۇسسىيىنىڭ ئەركىنچىلىرى ئەمەس، بەلكى پرۇسسىيىنىڭ قوراللىق كۈچى»، دەپ جار سالغان. ئۇ زوراۋانلىق ۋە قورال كۈچى بىلەن گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى جېنىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلغان. «تۆمۈر-قان سىياسىتى» دېگەن سۆز كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇرۇش سىياسىتى بىلەن مەنىداش سۆز بولۇپ قالغان.

تۆمۈر قوراللار دەۋرى

  • تۆمۈر قوراللار دەۋرى[يەشمىسى:] ئارخېئولوگىيىدە برونزا دەۋرىدىن كېيىنكى دەۋر. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئايرىم جايلاردا مېتېئورىت تۆمۈر ياكى يۇمشاق تۆمۈر بىلەن زىننەت بۇيۇملىرى ۋە قىلىچ، خەنجەر ياسالغان، لېكىن ئۇ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلمىغان. ئۇ چاغدا كىشىلەر تۆمۈر تاۋلاپ ۋە تۆمۈر قوراللارنى ياساپ، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش قورالى قىلالايدىغان بولغان. تۆمۈر كانلىرىنىڭ كەڭرى بولۇشى، تۆمۈرنىڭ قاتتىقلىقى ۋە چىداملىقلىقى يۇقىرىراق، ئىستېمالچانلىقى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، تۆمۈر قورالنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئاخىرقى ھېسابتا تاش قورالنى بىكار قىلغان ھەم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دۇنيا بويىچە ھەممىدىن بۇرۇن تۆمۈر قورال ياسىغىنى خىتت پادىشاھلىقى، ئۇ دەۋر تەخمىنەن مىلادىدىن 1400 يىل ئىلگىرىكى دەۋرگە توغرا كېلىدۇ، بەزى جايلاردا تۆمۈر قورال دەۋرى بولمىغان.

تۆمۈر قوغدىغۇچىلار پولكى

  • تۆمۈر قوغدىغۇچىلار پولكى[يەشمىسى:] رومىنىيىدىكى فاشىستىك تەشكىلات. ئەسلى كودرېئانۇ (Coreliu Zelea Codreanu، 1899 — 1938) رەھبەرلىك قىلغان «خرىستىئان دۆلەت مۇداپىئە ئىتتىپاقى» قاتارلىق تەشكىلاتلاردىن تەدرىجىي تەشكىل قىلىنغان. 1927-يىلى كودرېئانۇ ئىتتىپاقتىن ئايرىلىپ، «مالايىكا مىخائىل جۈنتۇەنى» نى قۇرغان. 1930-يىلى 3-ئايدا بۇ تۇەن «تۆمۈر قوغدىغۇچىلار پولكى» (Gandade fier) گە ئۆزگەرتىلگەن. مالىيە جەھەتتە ۋە سىياسىي جەھەتتە گېرمانىيە گىتلېر گۇرۇھىنىڭ ۋە ئۆز مەملىكىتىدىكى ئەكسىيەتچى يۇقىرى قاتلام ئۇنسۇرلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1933-يىلى 12-ئايدا فاشىزمغا قارشى تۇرغۇچى ئەركىنلىك پارتىيىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن. لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەھبىرى، مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى دوكا (Ion Gheorghe Duca، 1879 — 1933) نى ئۆلتۈرگەن. 1935-يىلى يەنە «ھەممە ۋەتەن ئۈچۈن» دېگەن شوئار بىلەن يېڭىباشتىن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان. 1938-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە ئىچكى ئىختىلاپلار تۈپەيلىدىن ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەن. 1938-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1939-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە قوزغىلىپ كارول Ⅱ نىڭمۇستەبىتلىكىگە قارشى تۇرغان ھەمدە كالىنېسكۇ (Armand Calinescu، 1893 — 1939) زۇڭلىنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرگەن. كېيىن ئۇنىڭ باشلىقلىرىنىڭ كۆپ قىسمى كارول Ⅱ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 1940-يىل 9-ئاينىڭ 16-كۈنى كارول Ⅱ نىڭ ئورۇن بوشىتىپ بېرىشى بىلەن يېڭىدىن قۇرۇلغان فاشىستىك ھۆكۈمەتكە قاتناشقان، كوممۇنىستلار ۋە ئىلغار كىشىلەرنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. 1941-يىل 1-ئاينىڭ 22 - 24-كۈنلىرى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش مەقسىتىدە توپىلاڭ كۆتۈرگەن، گىتلېر گۇرۇھىنىڭ ياردىمىدىن مەھرۇم قالغانلىقتىن، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئانتونېسكو گۇرۇھى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.

تۆھپە مۇنارى

  • تۆھپە مۇنارى[يەشمىسى:] زەپەر مۇنارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى رىمدىكى بىر خىل تۈۋرۈكسىمان قۇرۇلۇش. رىم ھەربىي باش قوماندانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي يۈرۈش غەلىبىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، دائىم ئاساسلىق مەيدانلاردا تۆھپە تاش مۇنار تىكلىگەن، بۇ، رىم دۆلىتىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىشنىڭ بىرخىل شەكلى ئىدى. مەسىلەن، مىلادىدىن 338 يىل ئىلگىرى كونسۇل مېنىئۇس (G.Maenius) لاتىنلىقلارنى ئىستېلا قىلغاندا، مىلادىدىن 260 يىل ئىلگىرى كونسۇل دۇئىلىئۇس (Gaius Duilius) دېڭىز ئۇرۇشىدا كارفاگېنلىقلارنى مەغلۇپ قىلغاندا بۇ خىل تۆھپە مۇنارى تىكلەنگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرى ترايان داكىيىلىكلەرنى بويسۇندۇرغاندا (601 - 101-يىللىرى) ئورنىتىلغان تۆھپە مۇنارى بولۇپ، ئۇ رىمنىڭ ترايان مەيدانىغا قۇرۇلغان بولۇپ، 113-يىل 5-ئاينىڭ 18-كۈنى پۈتكەن. ئۇ ئىچى كاۋاك، مەرمەر تاشتىن قوپۇرۇلغان يۇمىلاق مۇنار بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 38 مېتر كېلىدۇ. مۇنارنىڭ ئەتراپىغا ئالاھازەل 2500 دەك كىشىنىڭ ئوبرازىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داكىيىلىكلەرنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن قاپارتما سۈرەتلەر ئويۇپ چىقىلغان. مۇنار ئىچىدە يۇقىرىغا چىقىدىغان ئايلانما پەلەمپەي قويۇلغان، مۇنار ئۇچىغا پادىشاھنىڭ برونزا ھەيكىلى ئورنىتىلغان. چاسىسىمان كەلگەن مۇنارنىڭ ئۇلى ئىمپېراتور قەبرىسى بولۇپ، ئىچىگە ئالتۇندىن ياسالغان جەسەت كۈلى قۇتىسى قويۇلغان. ترايان تۆھپە مۇنارى قەدىمكى زاماننىڭ قىممەتلىك تارىخىي يادىكارلىقى، سەنئەت ئەسىرى، شۇنداقلا قەدىمكى رىم ھەربىي ئىشلار تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ، Ⅱ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىمپېراتور مارك ئاۋېرلې، ماركوماننىلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان (172—175-يىللىرى) دىن كېيىن ئورنىتىلغان تۆھپە مۇنارى بىلەن بىرگە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.

تۆۋەن لوررانى كىنەزلىكى

  • تۆۋەن لوررانى كىنەزلىكى[يەشمىسى:] مىلادى 959-يىلى لوررانى، پادىشاھلىقى پارچىلانغاندىن كېيىن، تۆۋەن لوررانى يەنى مائاس دەرياسى (Maas، مېئۇس دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋادىسىدا قۇرۇلغان كىنەزلىك Ⅻ، ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئارىلىقىدا، برابانت (Brabant)،نامۇر (Namur)، لىمبۇرگ (Iimbourg) ۋە ھاينائۇت (Hainaut) قاتارلىق بەگلىكلەرگە ھەمدە ليېژ (Liege) ئېپىسكوپى ۋە كورون ئارخىئېپىسكوپى رايونىغا بۆلۈنگەن. ھازىر ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بېلگىيە تەۋەلىكىدە.

تۈركىيە ئاساسىي قانۇن چىقىرىش ھەرىكىتى

  • تۈركىيە ئاساسىي قانۇن چىقىرىش ھەرىكىتى[يەشمىسى:] ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، تۈركىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىينى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى جەمئىي ئىككى قېتىم بولغان. (1) 1876-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئاممىۋى ھەرىكەتنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، يېڭى ئوسمانچىلار ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغاپ، سۇلتان ئابدۇل ئەزىزنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئابدۇل خەمىد Ⅱ تەختكە چىقىپ، يالغاندىن ئاساسىي قانۇن چىقىرىشقا قەسەم بېرىپ، يېڭى ئوسمانچىلاردىن مىدھەتنى ۋەزىر قىلىپ تەيىنلەپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈشكە تۇتۇش قىلغان. شۇ يىلى 12-ئايدا تۈركىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلغان. 1877-يىلى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، خەمىد Ⅱ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئاساسىي قانۇنغا ئارتىپ قويۇپ، دۆلەت مەجلىسىنى تارقىتىۋېتىدىغانلىقىنى، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى توختىتىدىغانلىقىنى، مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇنىڭ بىلەن يېڭى ئوسمانچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، بىرىنچى قېتىملىق ئاساسىي قانۇن چىقىرىش ھەرىكىتىمۇ مەغلۇپ بولغان. (2) 1908 — 1909-يىلى ياش تۈركىيە پارتىيىسى ئىككىنچى قېتىملىق ئاساسىي قانۇن چىقىرىش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان، بۇ ئارىلىقتا خەمىد Ⅱ 1876 -يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى بىر مەھەل ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. ياش تۈركىيە پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن چىقىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا (1923-يىل) توختىتىلغان. «1908 — 1909-يىلدىكى تۈركىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى»غا قاراڭ.

تۈركىيە-گرېتسىيە ئۇرۇشى

  • تۈركىيە-گرېتسىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] 1897-يىلى تۈركىيە بىلەن گرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كرىت ئارىلى مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئۇرۇش. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى ئابدۇل ھەمىد Ⅱ ئىمپېرىيە ئىچىدە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈپ، پان ئىسلامىزمنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئەزگەن. 1896-يىلى، كرىت ئارىلىدا سۇلتانغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن، قوزغىلاڭچىلار كرىت ئارىلى بىلەن گرېتسىيىنى قوشۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان، گرېتسىيە بۇنى قوللىغان. ئىككىنچى يىلى 2-ئايدا، گرېتسىيە ئارمىيىسى كرىت ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بەرگەن. 4-ئايدا، تۈركىيە-گرېتسىيە ئۇرۇشى پارتلىغان. گرېتسىيە ئارمىيىسى فسارىيە ۋە ئېپېرۇستا كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولغان. 1898-يىلى ئىككى دۆلەت ئىستانبۇلدا كېلىشىم ئىمزالىغان: گرېتسىيە فسارىيىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن ۋە ئۇرۇش چىقىمى تۆلىگەن؛ تۈركىيە زوراۋانلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا، كرىت ئارىلىنىڭ مەمۇرىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەمدە كرىت ئارىلىدىكى تۈركىيە ئارمىيىسىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپ، بۇ ئارالنىڭ ئاساسىي شەھەر-بازارلىرىنى ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە ۋە ئىتالىيە ئارمىيىلىرىنىڭ ئىگىلەپ تۇرۇشىغا يول قويغان.

تۈركىيە-مىسىر ئۇرۇشى

  • تۈركىيە-مىسىر ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالىشىش ئۇرۇشى. جەمئىي ئىككى قېتىم پارتلىغان. (1) 1831-يىلىدىن 1833-يىلىغىچە بولغان ئۇرۇش: 1824—1827-يىلى مىسىر باش ۋالىيسى مۇھەممەد ئەلى تۈركىيىنىڭ گرېتسىيە قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشىغا ياردەملەشكەن، سۇلتان سۈرىيە ۋە كرىت ئارىلىنى ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا ماقۇل بولغان. 1831-يىلى ئەلى شۇنى باھانە قىلىپ سۈرىيىگە ھۇجۇم قىلغان، تۈركىيە ئارمىيىسى كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولغان. ئىككىنچى يىلى، مىسىر ئارمىيىسى ئىستانبۇلغا يۈرۈش قىلغان. 1833-يىلى روسىيە ئەسكەر چىقىرىپ تۈركىيىگە ياردەم قىلغانلىقتىن، مىسىر ئارمىيىسى يۈرۈش قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقان. شۇ يىلى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ سالا قىلىشى بىلەن تۈركىيە-مىسىر «كۈتەھيا كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، ئەلى مىسىر، سۈرىيە، پەلەستىن قاتارلىق جايلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. بىراق سۇلتاننىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. (2) 1839-يىلىدىن 1840-يىلىغىچە بولغان ئۇرۇش: سۇلتان مەھمۇد Ⅱ ئەنگلىيىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن 1839-يىلى مىسىرغا ھۇجۇم قىلغان. تۈركىيە ئارمىيىسى سۈرىيىدە مەغلۇپ بولغان، مىسىرغا ھۇجۇم قىلغان پاراخوت ئەترىتى تەسلىم بولغان. ئەنگلىيە، روسىيە، ئاۋسترىيە، پرۇسسىيە بىلەن بىرلىشىپ تۈركىيىگە ياردەم قىلىشقان. ئىككىنچى يىلى مىسىر ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، ئەلى باش ئېگىشكە مەجبۇر بولغان. سۇلتانغا بويسۇنىدىغانلىقىنى، مۇددەت بويىچە خىراج تۆلەيدىغانلىقىنى، مىسىر بىلەن شەرقىي سۇداننىڭ ۋارىسلىق خوجىدارلىق ھوقۇقىنىلا ساقلاپ قېلىپ، ئارمىيىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى ھەمدە 1838-يىلدىكى ئەنگلىيە-تۈركىيە سودا شەرتنامىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

تۈزۈلمە ئىسلاھاتچىلىقى

  • تۈزۈلمە ئىسلاھاتچىلىقى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بەزى تەرەققىي تاپقان كاپىتالىستىك مەملىكەتلەردىكى كوممۇنىستىك پارتىيىلەر جەمئىيەت تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش يولى بىلەن، كاپىتالىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تولياتتى بۇنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى بولۇپ، 1944-يىلى بىرىنچى قېتىم ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان؛ 1946-يىلى ئىتالىيە كومپارتىيىسىنىڭ 5-قۇرۇلتىيى «تۈزۈلمە ئىسلاھاتى» پروگراممىسىنى ۋە لۇشيەنىنى ئوتتۇرىغا قويغان، 1956-يىلدىكى ئىتالىيە كومپارتىيىسى 8-قۇرۇلتىيى ۋە 1962-يىلدىكى ئىتالىيە كومپارتىيىسى 10-قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى، پروگراممىسى ۋە تولياتتىنىڭ سىياسىي دوكلاتىدا كونكرېتلاشتۇرۇلغان ۋە سىستېمىلاشتۇرۇلغان. ئىتالىيىنىڭ سوتسىيالىزمغا مېڭىش يولى «ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن يېڭى دۆلەت قۇرۇش ئارقىلىق ۋە يېڭى رەھبەرلىك قىلغۇچى سىنىپنى مۇشۇ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىكىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق بولىدۇ»، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنى ۋە سىياسىي تۈزۈلمىسىنى تۈپتىن ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش كېرەك» دەپ قارىغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە دۆلەتنىڭ ئارىلىشىشىنى يولغا قويۇش، «چوڭ مونوپول كاپىتال گۇرۇھىنى چەكلەش ۋە تارمار قىلىش»؛ «ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ھالقىلىق تارماقلارنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش»، «باشقۇرۇشنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش»، «ئىگىلىكنى پىلانلاشتۇرۇش» نى تەشەببۇس قىلغان؛ سىياسىي جەھەتتە، دېموكراتىيە، پارلامېنتتىكى «قانۇنىي يول» ئارقىلىق «دۆلەت ئىچىدىكى كۈچلەرنى ۋە تۈزۈلمىنى پەيدىنپەي ئۆزگەرتىش» بىلەن «ئىشچىلار سىنىپىنىڭ تېگىشلىك رەھبەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» نى تەشەببۇس قىلغان. «ياۋروپا كوممۇنىزمى» نى تەشەببۇس قىلغۇچى كومپارتىيىلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن «تۈزۈلمە ئىسلاھاتى» نەزەرىيىسىنى قوللانغان.

تۋاردوۋىسكى

  • تۋاردوۋىسكى[يەشمىسى:]Александр Трифонович Твардовский، 1910—1971) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى شائىرى. تۆمۈرچى ئائىلىسىدىن چىققان. 1924-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. 1940-يىلى س ك پ (ب) گە ئەزا بولۇپ كىرگەن، «موراۋىيە دۆلىتى» («باھار چىمەنزارى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) دېگەن داستاننى يېزىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى يېزا ئىگىلىكىنى كوللېكتىپلاشتۇرۇشنى تەسۋىرلىگەن. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئارمىيە گېزىتىدە ئىشلىگەن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ۋاسلى ژورگىن»، «يول بويىدىكى ئائىلە» دېگەن داستانلارنى يېزىپ، سوۋېت خەلقىنىڭ فاشىست تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۈرىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن «يېڭى دۇنيا» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. 1960-يىلى «تاغمۇ تاغلاردىن ئېگىز» داستانىنى ئېلان قىلغان. 1963-يىلى يەنە «دژورگىننىڭ ئاخىرەتتىكى ساياھىتى» دېگەن داستانىنى ئېلان قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىنىڭ 22-قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا سايلانغان.

تېبېس

  • تېبېس[يەشمىسى:]1) (Thebes) نوت ئامىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى مىسىردىكى بىر شەھەر. يۇقىرى مىسىرغا جايلاشقان. ئوتتۇرا سۇلالە ۋە يېڭى سۇلالە دەۋرىدە (مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا) پايتەخت قىلىنغان. ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە قەدىمكى مىسىرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن. شەھەر نىل دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ ئىككى قىرغىقىغىچە سوزۇلغان، كۆلىمى چوڭ بولۇپ، «يۈز دەرۋازىلىق تېبېس» دەپ ئاتالغان. تەڭرى ئامىنرا ئىبادەتخانىسى قاتارلىق ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان زور قۇرۇلۇشلار بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشلاردىكى قاپارتما نەقىشلەر ۋە تام سۈرەتلىرى بەكمۇ نەپىس ئىشلەنگەن. مىلادىدىن 88 يىل ئىلگىرى ۋەيران قىلىنغان، كېيىن خارابىلىققا ئايلانغان. بۇ خارابىنىڭ ئورنى مىسىرنىڭ لوكسور ۋە كارناك ئەتراپلىرىغا توغرا كېلىدۇ. ھازىرغىچىلىك كۆپلىگەن قەدىمىي يادىكارلىقلار ساقلانغان. «كارناك ئىبادەتخانىسى» غا قارالسۇن. (2) (Thebae ياكى Thebes). قەدىمكى يۇناننىڭ مۇھىم شەھىرى. ئوتتۇرا يۇناننىڭ بېئوتىيە تەۋەلىكىدىكى شەھەر. رىۋايەت قىلىنىشىچە، فىنىكىيە ئەپسانىسىدىكى قەھرىمان كادمۇس قۇرغانىكەن. گومېر داستانى «ئىلىئادا»دا تروياغا يۈرۈش قىلغان يۇنان شەھەرلىرى ئىچىدە تېبېس تىلغان ئېلىنمىغان. لېكىن كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە تېبېسقا ئائىت يۇنان ئەپسانىلىرى تارقالغان. مەسىلەن، تراگېدىيە قىلىپ توقۇلغان «يەتتە قەھرىماننىڭ تېبېس شەھىرىنى ئېلىشى»، «پادىشاھ ئودىپۇس» قاتارلىقلاردا مەزكۇر شەھەرنىڭ ئۇزاق تارىخى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. دەسلەپكى مەزگىللەردە ئاقسۆڭەك ئولىگارخلار ھۆكۈمرانلىقى يۈرگۈزۈلگەن. جەنۇبتىكى قوشنىسى ئافىنا بىلەن توقۇنۇشۇپ تۇرغان، بولۇپمۇ يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن ئافىنا زورلۇق سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقتىن ئىككى تەرەپ قارىمۇ قارشىلىشىش ۋەزىيىتىدە تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە بولغان پېلوپوننېس ئۇرۇشىدا سپارتانى قوللاپ، ئافىنانى شىمالىي چېگرىدا پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان. ئۇرۇشتىن كېيىن سپارتانىڭ زومىگەرلىك قىلىشىغا نارازى بولۇپ، ئافىنا، كورىنتوس (كورىنتوس ئۇرۇشى) لار بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. ئىچكى قىسمىدىكى ئولىگارخلار بىلەن دېموكراتلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش كەسكىنلەشكەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن كېيىن دېموكراتلار ھوقۇق تۇتۇپ، ئېپامىنوندا ۋە پېلوپېدا باشچىلىقىدا ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنى روناق تاپتۇرغان؛ لېئوكترا جېڭى (مىلادىدىن 371 يىل ئىلگىرى) ۋە مېتنىيە جېڭى (مىلادىدىن 362 يىل ئىلگىرى) دە ئارقىمۇ ئارقا سپارتاغا ئېغىر تالاپەت يەتكۈزۈپ، ئۇنى زومىگەرلىك ئورۇندىن مەھرۇم قىلغان. لېكىن تېبېس ئون نەچچە يىل ھۆكۈم سۈرۈپلا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. يەنە ئافىنا بىلەن بىرلىشىپ ماكېدونىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان. مىلادىدىن 338 يىل ئىلگىرى كارونىيە جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ، ماكېدونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان.فىلىپⅡ ئۆلگەندىن كېيىن يەنە مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوزغالغاندا ئالېكساندر تەرىپىدىن باستۇرۇلغان (مىلادىدىن 336 يىل ئىلگىرى)، بۇ چاغدا ئىبادەتخانا ۋە شائىر پىندارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن باشقا، پۈتۈن شەھەر ۋەيران قىلىنغان؛ 6 مىڭ ئاھالە قىرغىن قىلىنغان، 30 مىڭ ئادەم قۇل ئورنىدا سېتىۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ماكېدونىيە شەھەرنى قايتا قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن مۇھىملىقىنى يوقاتقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە رىمغا قوشۇلۇپ كەتكەن. 

تېتۇئان شەرتنامىسى

  • تېتۇئان شەرتنامىسى[يەشمىسى:] ئىسپانىيىنىڭ 1859 — 1860-يىلقى مەراكەشكە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن تەڭسىز شەرتنامە. «ئىسپانىيە-مەراكەش ئۇرۇشى» غا قاراڭ.

تېرادايا ۋەقەسى

  • تېرادايا ۋەقەسى[يەشمىسى:] ياپونىيە توكۇگاۋا شوگناتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى پادىشاھىنى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى يەكلىگۈچى زاتلارنى باستۇرۇش ۋەقەسى.1862-يىلى ئەتىيازدا، ساتسۇما ۋاسساللىقىدىكى ئەمەلىي ھوقۇقدار شىمازۇ خىسامىتسۇ ۋاسساللىقىنىڭ 1000 دىن ئارتۇق لەشكىرىنى كيوتوغا باشلاپ كېلىپ، شوگنات مەمۇرىيىتى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان. شۇ چاغدا كيوتودا تۇرۇۋاتقان ماكى ياسۇئومى ۋە ئارىما شىنشىچى قاتارلىق ھەرقايسى ۋاسساللىقنىڭ زاتلىرى خىسامىتسۇنىڭ لەشكەر تارتىپ چىقىپ شوگناتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، پادىشاھنىڭ ئوردىدىكى باش ياردەمچىسى — كۇجونائوتادا ۋە كيوتو مەھكىمىسى ۋەكالەتچىسى ساكاي تادايوشىنى ئۆلتۈرۈشنى قوللاشنى مەسلىھەتلەشكەن. 1862-يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ساناگى، ئارىما قاتارلىقلار كيوتونىڭ جەنۇبىي رايونى فۇشىمى دېگەن يەردىكى تېراتايا مېھمانخانىسىدا يىغىن ئېچىۋاتقاندا، خىسامىتسۇ بۇلارنى باستۇرۇش ياكى ئەل قىلىش ئۈچۈن ئائىلە خىزمەتچىسى نارا خاراشىگى، ئوياما تىسونا يوشى قاتارلىق توققۇز كىشىنى ئەۋەتكەن. ئىككى تەرەپ كەسكىن ئېلىشىپ، ئارىما قاتارلىقلار ئۆلتۈرۈلگەن، ساناگى قاتارلىقلار قايسى ۋاسساللىقتىن بولسا، شۇ ۋاسساللىقنىڭ بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. تېننونى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى يەكلىگۈچىلەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان.

تېراسيماكو

  • تېراسيماكو[يەشمىسى:] (Thrasymachos ياكى Thrasymachus، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ-Ⅴ ئەسىرلەر ئارىلىقىدا ئۆتكەن) سېراسىماك دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. قەدىمكى يۇنان دانىشمىنى. كالكېدون (Chalcedon، بوسفور دېڭىز بوغىزىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا) لىق. سوكرات ۋە گورگىياس بىلەن دەۋرداش بولۇپ، مۇنازىرىچىلىقنى ئۆگەنگەن «دانىشمەن» (Sophist، سوفىست). ئەپلاتون ئۆزىنىڭ «غايىۋى دۆلەت» دېگەن ئەسىرىدىكى سوكرات بىلەن قىلغان دىئالوگىدا: «ئادالەت» - زوراۋانلار مەنپەئىتى دېمەكلىكتۇر؛ قانۇن زوراۋانلار (ھۆكۈمرانلار) تەرىپىدىن تۈزۈلگەن، زوراۋانلارنىڭ قانۇنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ قېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، خەلقلەر (ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى) نىڭ قانۇنغا بويسۇنۇشىمۇ «ئادالەت» كە كىرىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان دەپ ھېسابلىغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ، غەربىي ياۋروپادا ئەڭ بۇرۇن «زوراۋانلىق — ئادالەت» دېگەن تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تېرامېن

  • تېرامېن[يەشمىسى:]Theramenes، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 304 - 554) سېرامېن ياكى تېرامېنېس دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. قەدىمكى ئافىنا سىياسىئونى. ھاگنون (Hagnon) نىڭ ئوغلى. ئاقسۆڭەك ئولىگارخلىرى تەرەپدارى. مىلادىدىن 411 يىل ئىلگىرى (پېلوپوننېس ئۇرۇشى مەزگىلى) ئانتىفون (Antiphon) قاتارلىقلار بىلەن سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ئولىگارخلار ھۆكۈمرانلىقى (400 كىشىلىك كېڭەشمىنى يادرو قىلغان) نى تىكلىگەن. كېيىن بېرىپ ئانتىفون قاتارلىق كىشىلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان؛ ئولىگارخلار ھاكىمىيىتىمۇ قارشىلىققا ئۇچراپ، ئاران تۆت ئاي مەۋجۇت بولۇپ، ئاغدۇرۇۋېتىلگەن. مىلادىدىن 406 يىل ئىلگىرى ئارگىنۇسې (Arginusae) جېڭىگە قوماندانلىق قىلىشقا قاتنىشىپ، ئافىنا فلوتى سپارتا ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. بىراق ئۇنىڭ ئاساسلىق كوماندىرلىرى ئۆلتۈرۈلگەن، ئۆزى قۇتۇلۇپ قالغان. مىلادىدىن 404 يىل ئىلگىرى ئافىنا مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغان، ليساندېر (سپارتا باش قوماندانى) ئافىناغا بېسىپ كىرىپ «ئوتتۇز تىران» («ئوتتۇزلار زالىملىقى») ھۆكۈمرانلىقىنى يۆلەپ تۇرغۇزغان. تېرامېن «ئوتتۇز تىران» نىڭ بىرى (ئارىستوتېلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ «يولباشچىسى» ئىكەن) بولۇپ، زوراۋانلىق سىياسىينى يولغا قويۇپ، دېموكراتلارغا زىيانكەشلىك قىلغان، بىر تۈركۈم بايلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىۋالغان، ئۇ، كرىتىئاس بىلەن ھاكىمىيەت تالىشىپ، ئۆزئارا تۇتۇشۇپ قالغان، كرىتىئاس تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، «ئاسىي» دەپ ئەيىبلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن «ئوتتۇز تىران» ھۆكۈمرانلىقىمۇ غۇلاپ چۈشكەن.

تېرائۇچى خېسائىچى

  • تېرائۇچى خېسائىچى[يەشمىسى:] (6491 - 9781) ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى، ئۇرۇش جىنايەتچىسى. ياماگۇچى ناھىيىسىدىن. مىلىتارىست تېرائۇچى ماساتاكېنىڭ ئوغلى. 1909-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. مۇھاپىزەتچىلەر دىۋىزىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى، چاۋشيەن ئارمىيىسى شتاب باشلىقى، بەشىنچى ۋە تۆتىنچى دىۋىزىيىلەرنىڭ باشلىقى، تەيۋەن ئارمىيىسى قوماندانى بولغان. «26-فېۋرال» ۋەقەسىدىن كېيىن، خىروتا كوكى كابىنېتى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋەزىرى بولغان (1936 — 1937). «يەتتىنچى ئىيۇل» ۋەقەسىدىن كېيىن، 1937-يىلى 8-ئايدىن 1938-يىلى 11-ئايغىچە «شىمالىي جۇڭگو يۆنىلىش ئارمىيىسى» نىڭ قوماندانى بولغان. تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جەنۇبىي يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1945-يىلى ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، سىنگاپوردا قاماقتا ئۆلگەن.

تېرائۇچى ماساتاكې

  • تېرائۇچى ماساتاكې[يەشمىسى:] (9191 - 2581) ياپونىيە باش ۋەزىرى (8191 - 6191). قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى. ناگاسۇ ۋاسساللىقىدىن كېلىپ چىققان. 1869-يىلى خاكوداتې ئۇرۇشىغا قاتناشقان، كېيىن ئوساكا ھەربىي مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇغان. 1882-يىلى فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى بولغان. 1886-يىلى ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1898-يىلى مائارىپ باش تەپتىشى بولغان. 2091 - 0091-يىللىرى مۇئاۋىن شتاب باشلىقى بولۇپ، سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قاتنىشىشقا باشچىلىق قىلغان. 1191 - 2091-يىللىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىملىق كابىنېتنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. ياپونىيە چاۋشيەننى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، 1910—1916-يىللىرى چاۋشيەننىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1916-يىلى مارشاللىققا كۆتۈرۈلگەن. شۇ يىلى 10-ئايدا كابىنېت تەشكىللىگەن. 1917-يىلدىن باشلاپ سىردىشى سائىخارا كامېزو (4591 - 2781) نى كۆپ قېتىم جۇڭگوغا ئەۋەتىپ، مىلىتارىست دۇەن چىرۈي ھاكىمىيىتىگە پۇل قەرز بېرىپ، جۇڭگودىكى ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كېڭەيتمەكچى بولغان. 1918-يىلى سىبىرگە ئەسكەر چىقارغان. كېيىن گۈرۈچ توپىلىڭى زەربىسى ئارقىسىدا ئىستېپا بەرگەن.

تېررامارا مەدەنىيىتى

  • تېررامارا مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]يىراق قەدىمكى ئىتالىيىنىڭ برونزا دەۋرىدىكى مەدەنىيىتى. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا (مىلادىدىن 1800 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئەتراپىدا) ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى پادوس دەرياسى (پو دەرياسى) ۋادىسىغا تارقالغان. ئۇنىڭ ئاھالىسى ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىغا كىرىدۇ. ئۇلار تاش قوراللاردىن تاشقىرى، برۇنزا قوراللار (پالتا، ئىسكىنە، بېگىز، ئوقيا ئۇچى قاتارلىقلار)نى كەڭ ئىشلەتكەن. چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار سۇ ئىچىگە تۇرغۇزۇلغان ياغاچ تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە ئالاھىدە تەقلىتتىكى ئۆيلەرنى سالغان، ئۇنىڭ ئەتراپىغا مۇداپىئە ئەسلىھەسىدەك قىلىپ، قاشا بېكىتكەن. ئۇلاردا كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش، كۈلىنى كومزەكتە ساقلاش ئادىتى بولغان. ئۆز زامانىسىدىكى خارابىلەر ھازىر چىرىندىلەر دۆۋىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن. بۈگۈنكى كۈندىكى ئىتالىيىلىكلەر ئۇنى «تېررامارا» (terramara) دەيدۇ، بۇنىڭ مەنىسى «مۇنبەت تۇپراق» دېگەن سۆز.

تېرتۇللىيان

  • تېرتۇللىيان[يەشمىسى:]Quintus Septimius Florens Tertullianus، تەخمىنەن مىلادى 160 — 230) رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى خرىستىئان دىنىي پوپلىرىنىڭ بىرى. چېركاۋ يازغۇچىسى. شىمالىي ئافرىقىدىكى كارفاگېندىكى بىر ئوفىتسېر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. قانۇنشۇناسلىق بويىچە قاتتىق تەربىيە ئالغان. ياش دەۋرىدە بىدئەت دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. تەخمىنەن مىلادى 195-يىلى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغان. تەخمىنەن 207-يىلى ئورتودوكسال چېركاۋلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە دەھرىيلىشىشىگە نارازى بولۇپ، مونتانىست (Montanist) قا ئۆتۈپ كەتكەن. يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. «خرىستىئان دىنىنى ئاقلاش» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە، رىم ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خرىستىئان دىنىنى كەمسىتىشتىن خرىستىئان دىنىغا كەڭچىلىك قىلىشقا ئۆزگىرىشى تەلەپ قىلىنغان ھەمدە مۇرىتلار ئىمپېراتور (سېپومىت سېۋىرۇ تەختتە ئولتۇرغان چاغدا) غا سادىق بولۇشى كېرەك، دەپ ھېسابلىغان. باشقا ئەسەرلىرىدىن «چوقۇندۇرۇش ھەققىدە»، «پېشانىسىگە پۈتۈلگەنلىك ھەققىدە»، «تاقەت قىلىش ھەققىدە» قاتارلىقلار بار. بۇ ئەسەرلەردە ئېتىقاد تەشەببۇس قىلىنىپ، ئەقىل چۆكۈرۈلگەن، «ئۈچ بىر گەۋدە تەلىماتى» ۋە «تۇنجى گۇناھ تەلىماتى» تەرغىپ قىلىنغان. بەزى تەمسىللەر ۋە قىسقا جۈملىلەر ساقلاپ قېلىنغان. مەسىلەن، خۇدانىڭ بالىسى (ئەيسا خرىستوس) نىڭ ئۆلۈشى ئەقىلغا مۇۋاپىق بولمىسىمۇ، لېكىن ئىشەنچلىك، يەنە تىرىلىشى مۇمكىن بولمىسىمۇ، لېكىن مۇقەررەر. شۇنىڭغا ئوخشاش بىمەنە مەنتىقىلەر بىلەن كىشىلەرنى خرىستىئان دىنىغا قارىغۇلارچە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرغان.

تېرموپىلىئې جېڭى

  • تېرموپىلىئې جېڭى[يەشمىسى:] گرېتسىيە بىلەن پرۇسسىيە ئۇرۇشىدىكى بىر جەڭ. تېرموپىلىئې (Thermopylae، مەنە تەرجىمىسى «ئارىشاڭ ئۆتكىلى» دېگەنلىك) شىمالىي گرېتسىيىدىن ئوتتۇرا گرېتسىيىگە بارىدىغان مۇھىم ئۆتكەل. بۇ يەرنىڭ تاغلىرى تىك، يەر تۈزۈلۈشى ئىنتايىن خەتەرلىك. مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى، پېرسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى شىمالىي گرېتسىيە ئارقىلىق جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەن. سپارتا پادىشاھى لېئوندا پېلوپوننېس ئەسكەرلىرىدىن تەخمىنەن 4000 كىشىنى باشلاپ، بۇ يەرنى قوغداپ، پېرسىيە قوشۇنىنى ئىككى كۈن توسۇپ تۇرغان. كېيىن ئىچكى قىسىمدىكى خائىننىڭ دۈشمەنگە يول باشلىشى تۈپەيلىدىن گرېتسىيە قوشۇنى مۇھاسىرە ئىچىدە قېلىپ پىتىراپ كەتكەن. لېئوندا 300 سپارتا جەڭچىسىنى باشلاپ، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى قانلىق جەڭ قىلغان ۋە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. پېرسىيە قوشۇنى ئوتتۇرا گرېتسىيىگە كىرىدىغان يولنى ئاچقان. سپارتالىقلارنىڭ بۇ جەڭدىكى قەھرىمانلىق جاسارىتى كەڭ مەدھىيىلەنگەن.

تېرېنتىئۇ

  • تېرېنتىئۇ[يەشمىسى:] تېرېنتوس (Publius Terentius Afer، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 951 - 591) قەدىمكى رىم كومېدىيىچىسى. شىمالىي ئافرىقىدىكى كارفاگېندا تۇغۇلغان. بالا ۋاقتىدا رىمغا ئېلىپ بېرىلىپ، سىنات ئەزاسى تېرېنتىئۇ لۇكانۇ (Publius Terentius Lucanus) غا قۇل قىلىپ بېرىلگەن. بەك زېرەك بولغانلىقتىن، ئۇنى خوجايىنى تەربىيىلىگەن ۋە ئازاد قىلغان، كېيىن خوجايىنى (قوغدىغۇچىسى) نىڭ فامىلىسىنى قوللانغان. كىچىك سىپىئو قاتارلىق مەشھۇر كىشىلەر بىلەن دوست بولغان، شۇنداقلا يۇنانغا بېرىپ مېناندروسى كومېدىيىسىنى تەتقىق قىلغان ھەم ئۇنى ئۈلگە قىلىپ ئىجادىيەت ياكى ئۆزگەرتىپ تۈزۈش بىلەن شۇغۇللانغان. ھازىرغىچە ئۇنىڭ «ئاندېرىيە» (يەنى «ئاندالوستىكى بىر ئايال»)، «ئۆگەي ئانا»، «ئۆز-ئۆزىنى ئازابلاش»، «ھەرەم خادىمى»، «پورمىئې» ۋە «ئاكا-ئۇكىلار» دېگەن ئالتە سەھنە ئەسىرى ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئارقا كۆرۈنۈش ۋە ماتېرىياللارنىڭ تولىسىنى يۇناندىن ئالغان، كىشىلەرنىڭ مىجەز-خۇلقىنى خېلى ئىنچىكىلەپ كۆرسىتىپ بەرگەن، ئۇنىڭ نەپىس لاتىنچە ئۇسلۇبى كائېسار ۋە سىسېرو تەرىپىدىن ماختالغان.

تېرىلغۇ يەر-ئورمان-مەرتىۋە تۈزۈمى

  • تېرىلغۇ يەر-ئورمان-مەرتىۋە تۈزۈمى[يەشمىسى:] چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسىنىڭ فېئوداللىق يەر ئىگىدارلىق تۈزۈمى. يەنى ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى تېرىلغۇ يەر ۋە ئورمانلارنى ئۇنۋان ياكى ئەمەل دەرىجىسى بويىچە مۈلكىي، ھەربىي ئەمەلدارلار، يەرلىك تۆرىلەر ۋە لەشكەرلەرگە بۆلۈپ بېرىش تۈزۈمى. بۇ ھەقتىكى مەلۇمات «كورىيە تارىخى. مال-مۈلۈك، ئوزۇق-تۈلۈك تەزكىرىسى» دە خاتىرىلەنگەن. مىلادى 976-يىلى (جىڭزۇڭنىڭ تۇنجى يىلى) يولغا قويۇلغان. بۇ تۈزۈم بويىچە مۈلكىي، ھەربىي ئەمەلدارلار 79 دەرىجىگە ئايرىلىپ، تەرتىپ بويىچە تېرىلغۇ يەر-ئورمان بۆلۈپ بېرىلگەن. 1-دەرىجىلىك ئەمەلدارغا تېرىلغۇ يەر ۋە ئورماننىڭ ھەرقايسىسىدىن ئوخشاشلا 110 كېسىم، ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارغا تېرىلغۇ يەردىن 21 كېسىم، ئورماندىن ئون كېسىم بېرىلگەن. كېيىنكى چاغلاردا نەچچە قېتىم ئۆزگەرتىلگەن. تېرىلغۇ يەر ۋە ئورمانغا ئىگە بولغان ئەمەلدارلارنىڭ ئەۋلادى قالمىسا، تېرىلغۇ يەر-ئورمان قايتۇرۇۋېلىنغان، تۆرىلەر ئەمەل تۇتسا تېرىلغۇ يەر قايتۇرۇۋېلىنغان. ئەسكەرلەرنىڭ يېشى 20 گە يەتكەندە تېرىلغۇ يەر بېرىلگەن، يېشى 60 قا يەتكەندە قايتۇرۇۋېلىنغان. ئەسكەرلەرنىڭ نەۋرە-چەۋرە، تۇغقانلىرى بار بولسا ئۇلار ئەسكەرلىككە ئېلىنغان، ئەگەر يوق بولسا، ئۇلار ئىشىكباقارلىققا قويۇلغان. ئۇلارنىڭ يېشى 70 تىن ئاشقاندا ئۇلارغا ئوزۇقلۇق ئاشلىق يېرىلا بېرىلىپ، يەرنىڭ ئوشۇق قىسمى ياندۇرۇۋېلىنغان، كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ۋە ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئەسكەرلەرنىڭ خوتۇن-بالىلىرىغىمۇ ئوزۇقلۇق ئاشلىق يېرى بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا 977-يىلى (جىڭزۇڭنىڭ 2-يىلى) ۋە 1049-يىلى (ۋېنزۇڭنىڭ 3-يىلى) دۆلەتكە خىزمەت كۆرسەتكەن ۋەزىرلەر، ساداقەتمەن تۆرىلەر ۋە 5-دەرىجىدىن يۇقىرى ئەمەلدارلارنىڭ ئىگە بولغان تېرىلغۇ يەر-ئورمانلىرىغا ئۇلارنىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. 983-يىلى (چىڭزۇڭنىڭ 2-يىلى) دىن باشلاپ ئوردا-ساراي دىۋان، ۋىلايەت، ئايماق، ناھىيە، ئۆتەڭ-بېكەت قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا دۆلەت باسقۇرۇشىدىكى تېرىلغۇ يەر-ئورمانلارنى بۆلۈپ بېرىش يولى بىلەن مەمۇرىي خىراجەت تولۇقلانغان. بۇ تۈزۈم بويىچە يەرگە ئىگە بولغۇچىلار بەلگىلىك كۆلەمدىكى يەرنى بىۋاسىتە باشقۇرماستىن، پەقەت دۆلەت بەلگىلەپ بەرگەن ئىجارە نورمىسى بويىچە ئىجارە ھەققى ئېلىش ھوقۇقىلا بولغان. تېرىلغۇ يەر-ئورمان-مەرتىۋە تۈزۈمى كورىيىدىكى مۈلكىي ۋە ھەربىي ئەمەلدار-ئاقسۆڭەكلەرنىڭ فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ۋە ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئاساسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. Ⅻ ئەسىردىن كېيىن دېھقانلار بىلەن پومېشچىكلار ئوتتۇرىسىدىكى سىنىپىي قارىمۇقارشىلىق ۋە مۈلكىي، ھەربىي ئەمەلدار ئاقسۆڭەكلەر بىلەن فېئودال دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يەر-زېمىن تالىشىش زىددىيىتىنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى تۈپەيلىدىن بۇ تۈزۈم گۇمران بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن. كورىيە دۆلىتى يۈەن سۇلالىسىگە تەسلىم بولغاندىن كېيىن مۈلكىي ۋە ھەربىي ئەمەلدار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھەدەپ يەر قوشۇۋېلىشى، خۇسۇسىي يەرلەرنىڭ كېڭىيىپ روناق تېپىشى نەتىجىسىدە كورىيە سۇلالىسى گۇمران بولغان. 1390-يىلى (پادىشاھ گۇڭراڭنىڭ 2-يىلى) لى سۇڭگې بۇ تۈزۈمنى بىكار قىلغان.

تېز ئەسكەر يېتىشتۈرۈش تۈزۈمى

  • تېز ئەسكەر يېتىشتۈرۈش تۈزۈمى[يەشمىسى:] 1808 — 1812-يىللىرىدىكى پرۇسسىيىنىڭ ئەسكەر تەربىيىلەش، قوشۇنىنى كېڭەيتىشتىكى بىر خىل ئۇسۇلى. فرانسىيە 1807-يىلدىكى «تىلىست سۈلھ شەرتنامىسى» گە ئاساسەن پرۇسسىيە ئەسكەرلىرىنى 42 مىڭ كىشى قىلىپ چەكلىگەن. پرۇسسىيە مۇشۇ ھەربىي چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، يېڭى ئەسكەرلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز تەربىيىلەش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىققان. ئەسكەرلەرنىڭ رەسمىي شتاتىنى چەكلەنگەن ساندىن پەقەت ئاشۇرمىغان، لېكىن ئەسكەرلەرنى قىسقا مۇددەت تەربىيىلەش ئۇسۇلى بىلەن ئۈزلۈكسىز نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيىلىگەن. فرانسىيىنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا، 1812-يىلغىچە، پرۇسسىيە مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن 120—150 مىڭ ئەسكەر تەربىيىلەپ، يېڭىباشتىن قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرغان. 1813-يىلىدىكى ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇشتا ناھايىتى زور رولىنى جارى قىلدۇرغان.

تېسسالىيە

  • تېسسالىيە[يەشمىسى:]Thessalia) قەدىمكى يۇناننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بىر رايون. ئۇنىڭ شىمالىدا مەشھۇر ئولىمپىك (Olympus) تېغى بار، تاغنىڭ شىمالى ماكېدونىيە، غەربىي تەرىپى پىندۇ (Pindus) تېغى ۋە ئېپروس بىلەن قوشنا. شەرقىي فراكىيە (ئېگېي دېڭىزىنىڭ غەربىي شىمالى) دېڭىزىغا يېقىن، جەنۇبىدا ئوئېتا (Oeta) تېغى بار، دېرموپىل (Thermopylae) يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا يۇناندىكى لوكرىس (Locris) قا بارغىلى بولىدۇ. يېرى بىر قەدەر تەكشى بولۇپ، دېھقانچىلىق قىلىشقا مۇۋاپىق. دەسلەپكى ئاھالىسى ئىئونىيلار (Aeolians) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. زېمىنى (تۈزلەڭلىك) نى، غەربى خېستىيائىئوت (Hestiaeotis)، ئوتتۇرىسى پېلاسگىئوت (Pelasgiotis)، جەنۇبى دېسسالىئوت (Thessaliotis) ۋە فتخىئوت (Phthiotis) دىن ئىبارەت تۆت رايونغا ئايرىشقا بولىدۇ. ئاساسلىق شەھەرلىرىدىن شىمالىي قىسمىدا لارىسسا (Larissa)، كراننون (Crannon)، جەنۇبىي قىسمىدا فارسالو (Pharsalus) قاتارلىقلار بار. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرگىچە سىنىپىي جەمئىيەت شەكىللەنگەن، ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپىنچە ئاقسۆڭەكلەر ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان، ئومۇمەن ئۈچ تەبىقىگە بۆلۈنگەن: ئاقسۆڭەك ھۆكۈمرانلار؛ بېقىندا خەلقلەر ۋە قۇللۇققا چۈشۈرۈلگەنلەر (پېنېست «Penestae» دەپ ئاتىلىدۇ)؛ ئۈچىنىڭ سالاھىيىتى سپارتا چېگرىسىدىكى سپارتالار، پېرىئېكىلار ۋە ئىلوتلارغا ئوخشاش. دەسلەپكى مەزگىلدە تۆت رايون ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ، تاگۇ (Tagus) دەپ ئاتىلىدىغان قەبىلە باشلىقى سايلانغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئۇرۇش ۋاقتىدا ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىش بولغان. يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى مەزگىلى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى) دە، نۇرغۇن ئاقسۆڭەكلەر پېرسىيىگە تەسلىم بولغان، پېلوپوننېس ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرى)دا سپارتاغا ئەل بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، تېسسالىيە ماكېدونىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە رىم تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋېتىلگەن، مىلادىدىن 27 يىل ئىلگىرى رىمنىڭ ئاخاييا ئۆلكىسىگە تەۋە بولغان، ھازىر گرېتسىيىگە تەۋە.

تېسۇس

  • تېسۇس[يەشمىسى:]Theseus). يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى بىر قەھرىمان، رىۋايەتلەردىكى ئافىنا شاھى. ئافىنا پادىشاھى ئاگېئۇس (Aegeus) بىلەن تلېسېن (جەنۇبىي گرېتسىيىدىكى ئارگولىسقا جايلاشقان) مەلىكىسى ئاترا (Aethra) نىڭ ئوغلى. تلېسېن ئوردىسىدا چوڭ بولۇپ، ئانىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە شەمشەر بىلەن ئاياغ كىيىم (دادىسىنىڭ نەرسىلىرى) نى ئېلىپ، ئافىناغا قاراپ يولغا چىققان؛ يولدا قاراقچىلارنى يوقىتىپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئاگېئۇس بىلەن كۆرۈشكەن. ئافىنالىقلارنىڭ كرىت ئارىلىدىكى كالا باشلىق ئالۋاستى («مىنوس كالىسى») غا 7 ئوغۇل، 7 قىزنى ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشى (ھەر يىلى ياكى بىرقانچە يىلدا بىر قېتىم) غا دۇچ كېلىپ، ئالۋاستىنى يوقىتىشقا قەتئىي ئاتلانغان؛ مىنوس شاھىنىڭ مەلىكىسى ئارىئادنې (Ariadne) نىڭ يول باشلىغۇچى يىپ توپىنى ئېلىپ، «سىرلىق ئوردا» غا كىرگەن ۋە ئالۋاستىنى ئۆلتۈرۈپ، مەلىكىنى ئېلىپ دۆلىتىگە قايتقان. دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن، پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان (ئونىنچى ئەۋلاد شاھ بولغان). يەنە پالۋان ھېراكلېس بىلەن بىللە باشقا ئۇلۇغ ئىشلارنىمۇ قىلغان. تەختتە ئولتۇرغان چېغىدا (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ-Ⅸ ئەسىرلەردە، يەنە بىر ئېيتىلىشىچە مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا)، ئېيتىشلارغا قارىغاندا مۇنداق ئىككى ئىشنى ئورۇندىغانىكەن: تۆت قەبىلىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئافىنانى مەركەز قىلغان مەركىزىي باشقۇرۇش ئورگىنىنى تەسىس قىلغان؛ بارلىق ئاھالىنى ئاقسۆڭەكلەر، دېھقانلار ۋە قول سانائەتچىلەردىن ئىبارەت ئۈچ سىنىپقا بۆلگەن. ئادەتتە بۇ «تېسۇس ئىسلاھاتى» ئافىنا دۆلىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، دەپ قارالغان، تېسۇسنىڭ ئۆزى بولسا ئەنئەنىدە تونۇلغان ئافىنا دۆلىتىنىڭ ئاساسچىسىغا ئايلانغان. سكىروس (Scyros، ئېيگې دېڭىزىنىڭ غەربىي قىسمىدا) دا ئۆلگەن. «سينو ئىكىسىنوس» قا قاراڭ. 

تېسېن يىغىنى

  • تېسېن يىغىنى[يەشمىسى:] 1779-يىلى پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە باۋارىيە پادىشاھلىق تەختىنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چاقىرغان خەلقئارا يىغىن. 1778-يىلى، باۋارىيە كورۇلى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ۋارىسلىق قىلغۇچى بولمىغانلىقتىن، ئاۋسترىيە باۋارىيىنى ئۆزىنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىدىغان خوجىلىق يېرى قىلىۋالماقچى بولغاندا، پرۇسسىيىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ، تالاش-تارتىش كېلىپ چىققان. روسىيە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ياۋروپادىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، فرانسىيە بىلەن بىرلىشىپ، 1648-يىلدىكى «ۋېستىفالىيە سۈلھ شەرتنامىسى» نىڭ كاپالەتچىسى دېگەن سالاھىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ «كېسىم قىلغان». 1779-يىلى 5-ئايدا، تېسېندا (Teschen) يىغىن چاقىرىلغان، 13-كۈنى «تېسېن سۈلھ شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ، ئاۋسترىيە باۋارىيىنى ئىشغال قىلىۋېلىش تەلىپىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلىنغان، لېكىن ئۇنىڭغا تولۇقلىما سۈپىتىدە باۋارىيىنىڭ ئىننىكرىس (Innkreis) ناھىيىسى بېرىلگەن. بۇ يىغىن روسىيىنىڭ گېرمانىيىدىكى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتكەن.

تېشىك-تاش ئادىمى

  • تېشىك-تاش ئادىمى[يەشمىسى:] تاشقا ئايلانغان قەدىمكى ئادەم. 1938-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ ھېسار تاغ تىزمىسىدىكى تېشىك-تاش ئۆڭكۈرىدىن تېپىلغان. تېپىلغىنى 8 — 9 -ياشلار چامىسىدىكى ئوغۇل بالىنىڭ تاشقا ئايلانغان سۆڭىكى، ئۇنىڭدا باش سۆڭەك، شۇنىڭدەك يوتا سۆڭىكى پاقالچاق سۆڭىكى، كىچىك پاقالچاق سۆڭىكى، يۇقىرى بىلەك سۆڭىكى، ئومۇرتقا سۆڭىكى ۋە يانپاش سۆڭىكى قاتارلىق سۆڭەك پارچىلىرى بار. مەدەنىيەت جەھەتتە كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ موست دەۋرىگە تەۋە. تەن خۇسۇسىيىتى: مېڭە سىغىمى چوڭ، 1490 مىللىلىتر؛ قاپىقى كۆتۈرۈلگەن، ماڭلىيى يانپاش، باش سۆڭىكى ئېگىز ئەمەس، ئېڭەك تومپىلىقى كەم، تېشىك-تاش ئادىمىنىڭ تېپىلىشى ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ قەدىمكى ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

تېكتون دەرىخى دېلوسى

  • تېكتون دەرىخى دېلوسى[يەشمىسى:] 1885-يىلى بىرما ھۆكۈمىتى بىلەن ئەنگلىيە بومباي-بىرما سودا شىركىتى ئوتتۇرىسىدىكى سودا ماجىراسى. بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئەنگلىيە سودىگەرلىرى يۇقىرى بىرمىدىن تېكتون ياغىچى توشۇپ چىقسا باج تاپشۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. بومباي-بىرما سودا شىركىتى ئىككى يىل ئىچىدە جەمئىي تېكتون دەرىخىدىن 80 مىڭ تۈپ يۆتكەپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن پەقەت ئوتتۇز مىڭ تۈپ بويىچە باج تاپشۇرغان ھەمدە بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ قويغان جەرىمانىسىنى رەت قىلغان. بىرما ھۆكۈمىتى بۇ دىلو ئەھۋالىنى ھىندىستان باش ۋالىيسىغا مەلۇم قىلغان، ھىندىستان ۋالىيسى بۇ دېلو ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىپ ھەل قىلىشقا ئەنگلىيە ۋالىيسىنى ئەۋەتكەن، بىرما ھۆكۈمىتى بۇنى رەت قىلىپ، ئىككى تەرەپكە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن بىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئاندىن بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرغان. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ بىرمىغا ئۇلتىماتۇم تاپشۇرغان ھەمدە قورال كۈچى ئىشلەتكەن، شۇنىڭ بىلەن، ئۈچىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە-بىرما ئۇرۇشى پارتلىغان. 

تېللېر قارار لايىھىسى

  • تېللېر قارار لايىھىسى[يەشمىسى:] «تۆتىنچى قارار لايىھىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى ھارپىسىدا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تېللېر (Henry Moore Teller، 4191 - 0381) ئوتتۇرىغا قويغان كۇباغا قارىتىلغان مۇناسىۋەت توغرىسىدىكى قارار لايىھىسى. 1898-يىل 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى مكىنلېي پارلامېنتقا يازغان خېتىدە ئىسپانىيىنىڭ كۇبادىكى ئۇرۇشىنى چەكلەش ھوقۇقىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. پارلامېنت 19-كۈنى ئۈچ قارار لايىھىسىنى ماقۇللىغان: كۇبانىڭ مۇستەقلىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان؛ ئىسپانىيىنىڭ كۇبادىن چېكىنىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان؛ ئامېرىكا زۇڭتۇڭىغا يۇقىرىدىكى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا قوراللىق كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىش ھوقۇقى بەرگەن. كولورادو كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى تېللېر بىر قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭدا كۇبا ئىسپانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلسىلا، ئامېرىكا ئاندىن كۇبانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلاشمايدۇ ياكى كۇبا ئارىلىنى تىزگىنلىمەيدۇ دېيىلگەن. بۇ قارار لايىھىسى يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۈچ قارار لايىھىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى قاتارىدا ماقۇللانغان، لېكىن ئەمەلىيەتتە رول ئوينىمىغان.

تېلمان

  • تېلمان[يەشمىسى:]Ernst Thalmann، 4491 - 6881) گېرمانىيە ۋە خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئەربابى، گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى. ھامبۇرگدا تۇغۇلغان. 1902-يىلى سوتسىيال-دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن ئەركىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسىگە قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوڭچى شوۋىنستلارغا قارشى تۇرۇپ، ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلەر ئارىسىدا ئىنقىلابىي خىزمەت ئىشلىگەن. 1917-يىلى سوتسىيال-دېموكراتلار پارتىيىسىدىن چىقىپ مۇستەقىل سوتسىيال-دېموكراتلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1920-يىلى گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. 1923-يىلى ھامبۇرگ ئىشچىلار قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1924-يىلى قىزىل جەڭچىلەر ئىتتىپاقىنى قۇرغان. 1925-يىلى گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1925-ۋە 1932-يىللىرى گېرمانىيە كومپارتىيىسى تەرىپىدىن ئىككى قېتىم زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. 1924-يىلدىن باشلاپ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى ۋە ئەزاسى بولغان. گىتلېر تەختكە چىقىش ھارپىسىدا، كەڭ كۆلەملىك فاشىستلارغا قارشى بىرلىك سەپ قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ناتسىستلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، 1933-يىل 3-ئاينىڭ 3-كۈنى بېرلىندا قولغا ئېلىنغان. 1944-يىل 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋېيماردىكى بۇھېنۋالد جازا لاگېرىدا ئۆلتۈرۈلگەن. 

تېلېپىن

  • تېلېپىن[يەشمىسى:]Telepinush) خىتت پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى). خان جەمەتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى توقۇنۇشنى چەكلەش ئۈچۈن، پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىنى ئورناتقان. يەنى ئوغلى بولسا چوڭىنى، ئوغلى بولمىسا كۈيئوغلىنى ۋارىس قىلغان. يەنە ئاقسۆڭەكلەر يىغىنى («تولياس») بىلەن ئاۋاملار يىغىنىنىڭ ھوقۇق چېكىنى بەلگىلىگەن. ئاۋاملار يىغىنى بارلىق جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. يۇقىرىقى ئىسلاھات دۆلەت ئاپپاراتىنى مۇستەھكەملەش ۋە خان جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى قاتىللىقلارنى ئازايتىشتا بەلگىلىك رول ئوينىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا پادىشاھ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى خىتت پادىشاھلىقىغىچە داۋاملاشتۇرۇلغان. 

تېلېنگانا قوزغىلىڭى

  • تېلېنگانا قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ھىندىستان كومپارتىيىسى رەھبەرلىك قىلغان دېھقانلار قوزغىلىڭى. 1946-يىلى 6-ئايدا ھەيدەر ئاباد شتاتىدىكى تېلېنگانا (Telengana) رايونىنىڭ نالگوندا (Nalgonda) ناھىيىسىدە پارتلىغان. قوزغىلاڭچى دېھقانلار كوممۇنىستلارنىڭ رەھبەرلىكىدە، زېمىندارلارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىسى ۋە زۇلمىغا قارشى تۇرۇپ، ھەرقايسى كەنتلەردە قوراللىق كۈچلەرنى بەرپا قىلغان، كەنت خەلق كومىتېتىنى سايلىغان، خەلق سوتىنى قۇرغان، پومېشچىكلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلغان، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى ۋە ئېغىر باج-سېلىقلارنى بىكار قىلغان ھەمدە ھەيدەر ئاباد شتاتلىق ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلىرىنىڭ باستۇرۇشىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1948-يىلىنىڭ باشلىرىدا، قوراللىق كۈرەش بىر مەھەل كېڭىيىپ، تەخمىنەن 3000 كەنت، 3 مىليون ئاھالە بار رايونغا يەتكەن، شۇ يىلى 9-ئايدا، ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، مىڭلىغان كادىرلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى قولغا ئېلىنغان. 1951-يىلى 10-ئايدا، ھىندىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، «تېلېنگانا رايونىدىكى پائالىيەتنى توختىتىش توغرىسىدىكى بايانات» نى ئېلان قىلغان، پارتىزانلار ئەترىتى تارقىتىۋېتىلگەن، نۇرغۇنلىغان پارتىزانلار قولغا ئېلىنغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.

تېمۇر

  • تېمۇر[يەشمىسى:]Timur،1336 — 1405) تېمۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلاشقان موڭغۇل ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، چاغاتاي خانلىقىنىڭ ۋەزىرى بولغان. 1362-يىلى ئوڭ پۇتى زەخىملىنىپ ناكار بولۇپ قالغاچقا، «تېمۇر لەڭ» (Timurlang، پارسچە «ئاقساق تۆمۈر» دېگەن مەنىدە) دېگەن لەقەم بىلەن ئاتالغان، ياۋروپالىقلار ئۇنى بۇزۇپ تامېرلەن (Tamirlane) دەپ ئاتىغان. ئۇ 1370-يىلى غەربىي چاغاتاي خانلىقىنى يوقىتىپ، ماۋرائۇننەھر رايونىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنى ئۇلۇغ ئەمىر دەپ ئاتاپ، سەمەرقەندنى پايتەخت قىلغان. 1380-يىلدىن باشلاپ ئىران ۋە ئافغانىستاننى تارتىۋالغان، كېيىن يەنە جەنۇبىي كاپكاز ۋە مېسوپوتامىيە ۋادىسىنى بېسىۋالغان. 1388-يىلى خارەزمنى بويسۇندۇرغان. 1389-، 1391-، 1395-يىللىرى قىپچاق خانلىقىغا ئۈچ قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ پايتەختى ساراي بورك قاتارلىق شەھەرلەرنى ۋەيران قىلغان. 1398-يىلى شىمالىي ھىندىستانغا بېسىپ كىرىپ دېھلىنى ئىشغال قىلىپ، 100 مىڭ ئۇرۇش ئەسىرىنى قىرىپ تاشلىغان. 1399-يىلى كىچىك ئاسىياغا بېسىپ كىرگەن. 1402-يىلى ئەنقەرە جېڭىدە تۈركىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، سۇلتان بايازىد Ⅰ نى ئەسىرگە ئالغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇن توپلاپ جۇڭگوغا يۈرۈش قىلماقچى بولغان، لېكىن سىر دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي يۈرۈش داۋامىدا ئاغرىپ ئۆلگەن. تېمۇرلەڭ ھەربىر جاينى ئىستېلا قىلغاندا ئەسىرگە چۈشكەن ھۈنەرۋەن، سەنئەتكار ۋە ئالىملارنى سەمەرقەندكە ئېلىپ كېلىپ، سەمدەرقەندنى ئەينى ۋاقىتتىكى مەدەنىيەت-سەنئەتنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرغان.

تېمۇر ئىمپېرىيىسى

  • تېمۇر ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:] تېمۇر ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىراندا قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. ئىمپېرىيە گۈللەنگەن مەزگىللەردە زېمىنى غەربتە ئېفرات دەرياسىغىچە، شەرقتە سىر دەرياسى ۋە ھىندىستاننىڭ دېھلىغىچە، شىمالدا كاپكازغىچە، جەنۇبتا پارس قولتۇقىغىچە يەتكەن بولۇپ، سەمەرقەند پايتەخت قىلىنغان. تېمۇر ئۆلگەندىن كېيىن، ئىچكى نىزا ۋە تۈركمەنلەرنىڭ بېسىپ كىرىشى بىلەن غەربىي قىسمىدىكى زېمىنىنىڭ كۆپى قولدىن كەتكەن. شاھرۇخ مىرزا تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە پايتەختنى ھېراتقا كۆچۈرگەن. 1449-يىلى ئۇلۇغبەگ ئۆزىنىڭ ئوغلى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىچكى ئۇرۇش يەنە قوزغالغان. كېيىن ئىمپېرىيە ھېرات بىلەن سەمەرقەندنى مەركەز قىلغان ئىككى دۆلەتكە پارچىلىنىپ كەتكەن. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆزبېكلەر بېسىپ كىرگەن. سەمەرقەند بىلەن ھېرات ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 1500-يىلى ۋە 1507-يىلى ئىشغال قىلىۋېلىنغان، ئىمپېرىيە مۇنقەرز بولغان. ئىمپېرىيە ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە، ھۆكۈمرانلارنىڭ تەشەببۇسى ۋە قوغدىشى ئارقىسىدا، ئەدەبىيات، شېئىرىيەت، رەسساملىق، بىناكارلىق، تارىخچىلىق ۋە ئىلىم-پەن قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە ئىنتايىن گۈللەنگەن. سەمەرقەند بىلەن ھېرات ئەينى ۋاقىتتىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. 

تېمىپو قەھەتچىلىكى

  • تېمىپو قەھەتچىلىكى[يەشمىسى:] ياپونىيە تېمىپو يىللىرىدىكى چوڭ قەھەتچىلىك. 1833-يىلى (تېمىپونىڭ 4-يىلى) ياپونىيىدىكى ھونشونىڭ شىمالىدا ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن. كانتو رايونى بوران-چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇميۈزلۈك ھوسۇل كېمىيىپ كەتكەن. ئۇدا ئىككى يىل جۇت يىل بولۇپ، 1836-يىلىمۇ قەھەتچىلىك بولغان. شەرقىي شىمال رايونىدىكى ئۆلگۈچىلەر نەچچە يۈز مىڭغا يېتىپ، دېھقانلار قەھەتچىلىكتىن قېچىپ، ھەممىلا يەرگە بالىلار تاشلىنىپ، يول بويلىرى ئۆلۈكلەرگە تولۇپ كەتكەن. توكۇگاۋا شوگناتى ۋە ھەرقايسى ۋاسساللىقلارنىڭ قۇتقۇزۇشقا مادارى كەلمەي قالغان. 1837-يىلى ئوساكادا ئويۋا سانېپاكرو قوزغىلىڭى پارتلاپ، ھەرقايسى جايلار كەينى-كەينىدىن توپىلاڭ كۆتۈرگەن. شوگنات ھاكىمىيىتى تەدرىجىي تەۋرىنىپ قالغان.

تېمىپو ئىسلاھاتى

  • تېمىپو ئىسلاھاتى[يەشمىسى:] ياپونىيە تېمىپو يىللىرىدىكى (1830—1843) توكۇگا-ۋا شوگناتلىقى ۋە ھەرقايسى كۈچلۈك ۋاسساللىقلار ئېلىپ بارغان سىياسىي ئىقتىسادىي ئىسلاھات. ئۇدا نەچچە يىل قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ، جايلاردا دېھقانلار توپىلاڭلىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بەرگەنلىكتىن شوگناتنىڭ باش ئاقساقىلى مىزۇنو تاداكونى 1841-يىلدىن باشلاپ ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. (1) ھوقۇقلۇق زالىم ۋەزىرلەرنى يۆتكەپ، كەيپىياتنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادچىللىقنى تىرىشىپ يولغا قويغان؛ (2) كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنى تارقىتىۋېتىپ، باي سودىگەرلەرنى ئىمتىيازدىن مەھرۇم قىلىپ، سودىگەرلەرنىڭ ئەركىن سودىلىشىشىغا يول قويۇپ، مال مەنبەسىنى كۆپەيتىپ، مال باھاسىنى تۆۋەنلەتكەن؛ (3) شەھەرلەرگە ئېقىپ كىرگەن دېھقانلارنى يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇرلاپ، دېھقانلارنىڭ قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى مەنئى قىلىپ، قول سانائەت كارخانىلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ياللاپ ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن؛ (4) ئېدو، ئوساكالارنىڭ ئەتراپىدا 10 ياپونىيە لىسى كېلىدىغان ئارىلىقتىكى يەرلەرنى شوگناتقا بىۋاسىتە قاراشلىق زېمىنغا كىرگۈزگەن. ئاساسلىقى شوگنات ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان، لېكىن يەرلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىش بۇيرۇقى ئەسلىدىكى يەر ئىگىلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. باشقا تەدبىرلەرنىڭمۇ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولمىغان. 1843-يىلى مىزۇنو تەختتىن چۈشۈپ، شوگناتنىڭ ئىسلاھاتى پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغان. ھەرقايسى كۈچلۈك ۋاسساللىقلارنىڭ ئوخشاش مەزگىلدە ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتى بولسا بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. ناگاسۇ ۋاسساللىقىدا 1838-يىلى باي سودىگەرلەرنى بېسىپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك سامورايلارنى قوغداپ، ئوساكاغا قاتنايدىغان دېڭىز ترانسپورتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مالىيەنى ياخشىلىغان. سامو ۋاسساللىقى قەرزلەرنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، شېكەرنىڭ سېتىۋېلىنىشى ۋە سېتىلىشىنى تىزگىنلىگەن ھەمدە دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى تولۇقلىغان. ھىزېن، توسا قاتارلىق ۋاسساللىقلارمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. ھەرقايسى ۋاسساللىقلارنىڭ ئىسلاھاتى ئارقىلىق ۋاسساللىقلارنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى ئوتتۇرا-تۆۋەن دەرىجىلىك سامورايلار بىلەن باي دېھقانلاردىن كېلىپ چىققان بىر قىسىم زىيالىيلار ئىگىلىگەن. 

تېمىستوكىل

  • تېمىستوكىل[يەشمىسى:]Themistokles، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 528 — 462) قەدىمكى ئافىنا سىياسىيونى، قوماندانى. داڭدار ئائىلىدە تۇغۇلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 493 — 492 تۇنجى قېتىم ھاكىم بولۇپ، پىرېييېۋس ھەربىي پورتىنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە دېڭىز ئارمىيىسىنى كېڭەيتىپ قۇرغان. مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى مارافون ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن ھەر خىل دېموكراتىك ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇپ، ھاكىمنى چەك تاشلاپ سايلاپ چىقىش (مىلادىدىن 487 يىل ئىلگىرى) نى بەلگىلەپ، ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىغا زەربە بەرگەن. مىلادىدىن 483 يىل ئىلگىرى ساپال پارچىسىغا ئىسمىنى يېزىپ سۈرگۈن قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، سىياسىي رەقىبى ئارىستېرنى سۈرگۈن قىلغان. ئۈچ قاتار پالاقلىق ئۇرۇش كېمىسىدىن 100 نەچچىنى ياساپ، ئافىنانى دېڭىزدا كۈچلۈك دۆلەت قاتارىغا ئۆتكۈزگەن. مىلادىدىن 481 يىل ئىلگىرى كورىنفتا بىر قىسىم يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى (30 نەچچە) قۇرۇلتىيىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، پېرسىيىگە قارشى ئىتتىپاقنى شەكىللەندۈرگەن. مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى كروس Ⅰ پېرسىيە فلوتىنى باشلاپ، ئوتتۇرا يۇنانغا بېسىپ كىرگەندە، ئافىنا شەھىرىدىكى زور كۆپ سانلىق ئاھالىنىڭ چېكىنىشىگە قوماندانلىق قىلغان ھەمدە سالامى دېڭىز ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پېرسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى ئالدىراپ-تېنەپ چېكىنىشكە مەجبۇر قىلىپ، پۈتۈن يۇناندا نام-شۆھرەتكە ئىگە بولغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 470 يىل ئىلگىرى ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى (كىمون باشچىلىقىدىكى) نىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ، سپارتانىڭ پېرسىيەپەرەس گېنېرالى پائۇسانى بىلەن چېتىلىشلىقى بار دەپ قارىلىپ، ئاخىر «ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى» بىلەن سۈرگۈن قىلىنغان. ئارگوس، كوركىرا، ئېپىر قاتارلىق جايلارغا قېچىپ بارغان. يەنە ئايلىنىپ يۈرۈپ پېرسىيە (مىلادىدىن 465 يىل ئىلگىرى) گە بارغان.پېرسىيە پادىشاھى ئارتاكسبركس ئۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، يىللىق تۇرمۇش راسخوتى بەرگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆلگەن (يەنە بىر ئېيتىلىشتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان). 

تېنمىيو قەھەتچىلىكى

  • تېنمىيو قەھەتچىلىكى[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ تېنمىيو يىللىرى (1781 — 1788) دىكى ئۇدا بىرنەچچە يىل ئاپەت يۈز بېرىش ۋەقەسى. تېنمىيونىڭ 2-يىلىدىن 6-يىلىغىچە (1782 — 1786) ھونشونىڭ شىمالىي قىسمى، كانتو، سىكوكو، كىيوسىيۇ، خوككايدۇ ئاراللىرى قاتارلىق جايلاردا كەڭ كۆلەمدە ئاپەت-قەھەتچىلىك يۈز بەرگەن. تىسۇگارۇ ۋاسساللىقىدا 200 مىڭ ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلگەن. كانتودا ۋابا كېسىلى تارقالغان. دېھقانلار ئۆز يېزىلىرىدىن قېچىپ، سەرسان بولغان، شەھەردىكى نامراتلارنىڭمۇ تۇرمۇشى قىيىن بولغان. ئېدو، ئوساكالاردىن باشلاپ ھەرقايسى جايلاردا گۈرۈچ سودىگەرلىرىگە، گۆرۈخانىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، دېھقانلار توپىلىڭى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. شوگنات ۋە ھەرقايسى ۋاسساللىقلار قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشۈپ قالغان. 

تېننو

  • تېننو[يەشمىسى:] ياپونىيە پادىشاھلىرىنىڭ نامى. 

تېننو تاكائاكى

  • تېننو تاكائاكى[يەشمىسى:]596 — 654) ياپونىيە تېننوسى (645 — 654). ئۆز ئىسمى چىڭ. تېننو سۇمېرا ئۇكىنىڭ بىر قورساق ئۇكىسى. مىلادى 645-يىلى تەختكە چىققان بولۇپ، يىلنامىنى تايكا دەپ ئاتىغان. (بۇ ياپونىيىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يىلنامىسى). ناكاتۇمى كاماتارىي (فۇجىۋارا كاماتارىي)، ناكائىكى مىكوشكو قاتارلىقلار تەشەببۇس قىلغان تايكا ئىسلاھاتىنى قوللاپ كەلگەن. 

تېننو تاكامېې

  • تېننو تاكامېې[يەشمىسى:]1831 — 1867( ياپونىيە تېننوسى (1847 — 1867). ئىسمى مونېشنۇبۇ، تېننو مېيجىنىڭ ئاتىسى، تېننو شۇبوتاكانىڭ 4-ئوغلى. 1840-يىلى ۋەلىئەھد بولغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە سىرتقا قارىتا باكۇ شوگۇنلىقىنى ياۋلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا دەۋەت قىلغان، ياسوماسا شەرتنامىسىنى ئىمزالاشنى توسقان. ئىچكى جەھەتتە باكۇ شوگۇنلىقى بىلەن ھەمكارلىشىش پوزىتسىيىسىنى قوللىنىپ، باكۇ شوگۇنلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرغان. ئۇ سىڭلىسى كازۇنۇھىيانىنى سىياگۇن توكۇگاۋا ئېموچىغا ياتلىق قىلىشقا رازى بولغان. باكۇ شوگناتى قوزغىغان 18-ئاۋغۇست سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوللىغان. توكۇگاۋا يوشىنۇبۇنى ياۋلارغا جازا يۈرۈشى قىلغۇچى سىياگۇن قىلىپ تەيىنلىگەن. كېيىن باكۇ شوگۇنلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەرىكىتى ئەۋج ئالغاندا تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ ئۆلگەن (بەزىلەر زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن دەيدۇ).

تېننو تايشىيوئۇ

  • تېننو تايشىيوئۇ[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ تېننوسى (1912 — 1926). ئىسمى يوشىخىتو، تەخەللۇسى مىنگۇڭ، تېننو جېجىنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى. 1889-يىلى 11-ئايدا ۋەلىئەھد بولۇپ بېكىتىلگەن. 1912-يىلى 7-ئايدا تەختكە چىققاندىن كېيىن دۆلەت نامىنى تايشىيوئۇ قىلىپ ئۆزگەرتكەن. ئېغىر مېڭە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ھاكىمىيەت ئىشىنى ئۆزى بىۋاسىتە باشقۇرالمىغانلىقتىن 1921-يىلى 11-ئايدا تەخت ۋارىسى خروخىتونى نايىپ شاھ قىلىپ تەيىنلىگەن. 

تېننو كامىتاكې

  • تېننو كامىتاكې[يەشمىسى:] رىۋايەتلەردىكى ياپونىيىنىڭ تۇنجى ئەۋلاد تېننوسى. «قەدىمكى سالنامە»، «ياپون يازما خاتىرىلىرى» دە خاتىرىلىنىشىچە، ئۇ كۈنچىقىشتىن ئاتلىنىپ، سېتو ئىچكى دېڭىزىدىن ئۆتۈپ، ئايلىنىپ ئوياماتوغا (بۈگۈنكى نارا) كېلىپ، يەرلىك ھەرقايسى مىللەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ، توخۇ يىلىنىڭ (مىلادىدىن 660 يىل ئىلگىرى) بېشىدا كاشىغارا ئوردىسىدا تەختكە ئولتۇرغان. مىيجىنىڭ 5-يىلى (1872-يىلى) ئاشۇ يىل ياپون ئېراسىنىڭ باشلىنىشى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئەمما تارىخشۇناسلار بۇ چۈشەنچىگە بۇرۇندىنلا گۇمان بىلەن قاراپ كەلمەكتە. 

تېننېسسى دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى

  • تېننېسسى دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى[يەشمىسى:] ئىنگلىزچە قىسقارتمىسى T V A.ئامېرىكىنىڭ «يېڭى سىياسەت» مەزگىلىدە، ھۆكۈمەتنىڭ زور تۈركۈمدىكى ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە تەسىس قىلغان تېننېسسى دەرياسىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى. 1933-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان. باشقۇرۇش ئىدارىسى توسما ۋە ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇپ، تېننېسسى ۋادىسىدىكى تېننېسسى، شىمالىي كارولىنا، گىنتوككى، ۋىرگىنىيە، مىسسىسىپى، گېئورگىيە ۋە ئالابامادىن ئىبارەت يەتتە شتاتنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ئاممىياك ئوغۇتى ۋە پارتلاتقۇچ دورا ئىشلەپ چىقىرىش ۋە ئۇلارنى تەقسىملەش، سېتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. 1944-يىلى 9-ئايغىچە دەريا ياقىلىرىدا غول توسما ۋە كۆپلىگەن باشقا قۇرۇلۇشلار پۈتۈپ، ھەربىي لازىمەتلىكلەر سانائىتى، ئاليۇمىنچىلىق سانائىتى ۋە ئوك رىج (Oak Ridge) ئاتوم بومبا زاۋۇتىنى كېرەكلىك ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلىگەن. 3 مىليون ئاكر (بىر ئاكر= 87.4046 كۋادرات مېتر = 07.6 مو — ت) ئېتىزلىق سۇ ئاپىتىدىن خالاس قىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سەۋىيىسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلگەن، پۈتكۈل ۋادا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 9 ھەسسە ئاشقان.

تېننىس مەيدانىدىكى قەسەم

  • تېننىس مەيدانىدىكى قەسەم[يەشمىسى:] 1789-يىلى فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىدا، ئۈچىنچى تەبىقە ۋەكىللىرىنىڭ ئۈچ تەبىقە يىغىنى مەيدانى (ۋېرسال) يېنىدىكى تېننىس مەيدانىدا بەرگەن قەسىمى. ئۈچ تەبىقە يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅩⅥ ئۈچ تەبىقىنىڭ بۇرۇنقىدەكلا ئايرىم-ئايرىم يىغىن ئۆتكۈزۈشنى بۇيرۇپ، ئۈچىنچى تەبىقىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. ئۈچىنچى تەبىقىنىڭ ۋەكىللىرى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۆز ئالدىغا مىللىي پارلامېنت تەشكىللەپ، كورۇل باشچىلىقىدىكى ئىمتىيازلىق تەبىقىگە قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرغان. فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅩⅥ يىغىن مەيدانىنى رەتلەيمىز دېگەن باھانە بىلەن ئۈچ تەبىقە يىغىنى مەيدانىنى پېچەتلەپ تاشلاپ، مىللىي پارلامېنتنىڭ يىغىن ئۆتكۈزۈشىنى توسقان. 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈچىنچى تەبىقىنىڭ ۋەكىللىرى مونىئېر (Jean Joseph Mounier، 1758 — 1806) نىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، مىللىي پارلامېنتنىڭ باشلىقى بائىلنىڭ باشلامچىلىقى بىلەن سەپكە تىزىلىپ، يېقىن جايدىكى تېننىس مەيدانىغا كېلىپ داۋاملىق يىغىن ئاچقان ھەمدە فرانسىيە ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ چىقمىغۇچە تارقىلىپ كەتمەسلىككە قەسەم قىلغان. تارىختا بۇ «تېننىس مەيدانىدىكى قەسەم» دەپ ئاتالغان. كېيىن ئۈچ تەبىقە ئەمەلىيەتتە بىر يەردە كېڭەش قىلغان، بۇ ئۈچىنچى تەبىقە ۋەكىللىرىنىڭ كورۇلغا قارشى كۈرىشىنىڭ بىر چوڭ غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ.

تېھران خىتابنامىسى

  • تېھران خىتابنامىسى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى 1943-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى تېھران يىغىنى ئاياغلاشقاندا ئىمزالىغان خىتابنامە. ئۇنىڭدا ئۈچ دۆلەتنىڭ «ئۇرۇش جەھەتتە ھەمدە ئۇرۇشتىن كېيىنكى تىنچلىق جەھەتتە بىللە ئىشلەش» كە بەل باغلىغانلىقى ھەمدە «گېرمانىيە قوشۇنىنى يوقىتىش توغرىسىدىكى پىلاننى تۈزۈپ چىققانلىقى»، «شەرقىي، غەربىي ۋە جەنۇبىي تەرەپتىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ كۆلىمى، ۋاقىت جەھەتتە تولۇق كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى» جاكارلانغان. 

تېھران سىياسىي ئۆزگىرىشى

  • تېھران سىياسىي ئۆزگىرىشى[يەشمىسى:] 1905 — 1911-يىللىرىدىكى ئىران بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىش. ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھۆكۈمران سىنىپ ئاساسىي قانۇن (1906-يىلى) ۋە تۈپ قانۇننىڭ تولۇقلىما ماددىلىرى (1907-يىلى) نى ماقۇللاشقا، پارلامېنتنىڭ دۆلەتتىكى ئورنىنى بەلگىلەپ، پادىشاھنىڭ ھوقۇقىنى زور دەرىجىدە چەكلەشكە مەجبۇر بولغان. پادىشاھ مۇھەممەت ئەلى (Muhammad Ali، 1906 — 1909 تەختتە ئولتۇرغان) سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشنى كۆپ قېتىم پىلانلىغان. 1908-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى پادىشاھ تېھراندا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشنى جاكارلىغان. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە پادىشاھنىڭ ئارمىيىسى پارلامېنت بىناسىنى توپقا تۇتقان، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئەنجۈمەن («يىغىن»، «كومىتېت» دېگەن مەنىدە) ئەزالىرىنى ھەدەپ تۇتقان ۋە ئۆلتۈرگەن. پادىشاھ پارلامېنت ۋە ئەنجۈمەننى تارقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دۆلەت ئىشلىرى ۋەكىللىرى يىغىنى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىش كەينى-كەينىدىن يۈز بەرگەن. 

تېھران يىغىنى

  • تېھران يىغىنى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقلىرىدىن ستالىن، روزۋېلت، چېرچىلل 1943-يىل 11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزگەن يىغىن. يىغىندا ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ گېرمانىيە قوراللىق كۈچلىرىنى يوقىتىش پىلانلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۈچ تەرەپ ياۋروپا مەسلىھەت كومىتېتىنى تەسىس قىلىپ، ياۋروپا مەسىلىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان ۋە مۇنۇلارغا بىردەك قوشۇلغان: (1) يېڭىلگەن گېرمانىيىنى ئىتتىپاقداش ئارمىيە تەرىپىدىن رايونلار بويىچە ئىشغال قىلىش؛(2) گېرمانىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بەزى جايلارنى پولشاغا قوشۇۋېتىش؛ (3) سوۋېت ئىتتىپاقى مۇۋاپىق پەيتتە ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىش. يىغىننىڭ ئەڭ زور نەتىجىسى شۇكى، 1944-يىلى 5-ئايدا فرانسىيىدە ئىككىنچى فرونتىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار قوبۇل قىلىنغان. بۇ قېتىمقى يىغىن فاشىستلارغا قارشى ئىتتىپاقنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە زور رول ئوينىغان. يىغىندىن كېيىن «تېھران خىتابنامىسى» ۋە «ئىران توغرىسىدىكى خىتابنامە» ئېلان قىلىنغان. 

تېئوتىخۇاكان

  • تېئوتىخۇاكان[يەشمىسى:] مېكسىكا قەدىمكى زامان مەدەنىيىتىنىڭ كلاسسىك دەۋرىدىكى بىر خىل مۇھىم مەدەنىيەت. تىپىك خارابىسى مېكسىكا شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن تەخمىنەن 50 كىلومېتر يىراقلىقتىكى تېئوتىخۇاكان (Teotihuacan، مەنىسى «ئىلاھلار پايتەختى») دا بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. تەخمىنەن مىلادى Ⅱ ئەسىردە شەكىللىنىپ، مىلادى Ⅷ ئەسىردىن كېيىن خارابلىشىشقا باشلىغان. خارابىنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇپ، مەركىزى رايونى تەخمىنەن 6 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاساسىي بىنالار ئۇزۇنلۇقى 2 كىلومېتر كېلىدىغان «ئۆلۈكلەر كوچىسى» نىڭ ئىككى تەرىپىگە مەركەزلەشكەن، «قۇياش پىرامىداسى» قۇياش ئىلاھىغا نەزىر-چىراغ قىلىنىدىغان بۇتخانا بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 65 مېتر كېلىدۇ. «ئاي پىرامىداسى» نىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 50 مېترغا يېتىدۇ. يەنە ئۆزگىچە شەكىلدە جايلاشقان بىنالار بولۇپ، ئاتاقلىقى تۈكلۈك يىلان ئىبادەتخانىسى، كېپىنەك ئوردىسى ۋە دېھقانچىلىق ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. تۈكلۈك يىلان ئىبادەتخانىسى جەمئىي 4 قەۋەتلىك بولۇپ، پۈتۈنلەي تاشتىن قوپۇرۇلغان. ئوتتۇرىسىدا پەلەمپىيى بار، پەلەمپەينىڭ ئىككى تەرىپىدىكى شادىغا تۈكلۈك يىلان بېشىدىن ئالتىسى ئويۇلغان، ھەربىر قەۋەتكە تۈكلۈك يىلان بېشى ۋە يامغۇر ئىلاھى تلالوك (Tlaloc) نىڭ بېشى ئويۇلغان. كېپىنەك ئوردىسى بىلەن دېھقانچىلىق ئىبادەتخانىسىنىڭ تام سىزمىلىرى، مەيلى رېئال دۇنيادىكى شاھزادە ياكى ئاددىي كىشىلەر بولسۇن، ئۆي ھايۋانلىرى، قۇشلار ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار بولسۇن، ناھايىتى جانلىق سىزىلغان بولۇپ، ماسلاشتۇرۇپ قۇراشتۇرۇلغان ۋە كۆركەم رەڭ بېرىلگەن. ساپال قاچىلارنى ياساش تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئوخشاش دەۋردىكى زاپوتېك (Zapotec) ساپال قاچىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۈزۈلۈشى ئاددىي بولسىمۇ، ئەمما نەپىس ئىشلەنگەن. 

تېئودورىك

  • تېئودورىك[يەشمىسى:]Theodoricus ياكى Thcodoric، تەخمىنەن مىلادى 456 — 526-يىللىرى). شەرقىي گوتلارنىڭ پادىشاھى (474 — 526) بولۇپ، تارىختا «ئۇلۇغ تېئودورىك پادىشاھ» (دېتىرخ، دەپمۇ ئاتالغان، Dietrich Von Bern) دەپمۇ ئاتالغان. پاننونىيە (دوناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ جەنۇبىي رايونى) دا تۇغۇلغان. بالىلىق چېغىدا كونستانتىنوپول(ۋىزانتىيە) شەھىرىدە تۇرغان بولۇپ،رىمنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان. 474-يىلى (ياكى 475-يىلى) ئاتىسى تېئودېمىر (Theodemir) نىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. كېيىن شەرقىي رىم ئىمپېراتورى زېنوننىڭ ئىجازىتى (بۇ چاغدا غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى گۇمران بولغان) بىلەن ئىتالىيىگە كېلىپ، ئودوئاكر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، غەلىبە (490-يىلى) قىلغان. ئودوئاكرنى ئۆلتۈرۈپ، ئىتالىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تارتىۋالغان. 493-يىلى شەرقىي گوتلار پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ، راۋېننا شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. گاللىيە، بالقان يېرىم ئارىلىغا ئەسكەر تارتىپ كىرىپ، زېمىننى كېڭەيتكەن. بوئىتوس، كاسىئودورۇس قاتارلىق مەشھۇر زاتلارنى ئىشقا قويۇپ، رىمنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە، ئەدەبىيات-سەنئەتنى قوغدىغان. خرىستىئان دىنىنىڭ «بىدئەتچىلىك» ئېقىمى بولغان ئارېئوچىلارنى قوللاپ، ئىتالىيىدە تەسىرى بولغان كاتولىك دىنىنى كەمسىتكەن. ھاياتىنىڭ كېيىنكى يىللىرى ئېيتىشلارغا قارىغاندا بوئىتىئوس (ۋە باشقىلار) ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى قەستلىگەندە، تۈرمىگە تاشلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن (524-ياكى 525). 

تېئوكرىتوس

  • تېئوكرىتوس[يەشمىسى:] (Theokritos ياكى Theocritus، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 325 — 267) تېئوكرىت ياكى تېئوكرىتا دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. قەدىمكى يۇنان شائىرى. سىتسىلىيە ئارىلىدىكى چوڭ شەھەر سىراكۈز (بىر ئېيتىلىشىچە ئېگېي دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كوس ئارىلى) دا تۇغۇلغان. ئالېكساندرىيىگە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن بېرىپ، شائىر پىلېتا (Philetas، كوس ئارىلىلىق كىشى) نى ئۇستاز تۇتقان، مىسىردا مەشھۇر شائىرغا ئايلىنىپ، پتولېمى خاندانلىقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. كېيىنرەك سىراكۈزگە قايتىپ كېلىپ (تېران ھېرون Ⅱ تەختتىكى مەزگىل) يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. يېزا-قىشلاق غەزەللىرىنى يېزىشقا ماھىر بولۇپ، دېھقان، چارۋىچى، بېلىقچى قاتارلىق ئاددىي ئەمگەكچىلەرنى سۇژىت قىلىپ، يېزا قىشلاقنىڭ مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ بەرگەن، دېھقانلار تۇرمۇشىنى كۈيلىگەن، شېئىرىي تۇيغۇسى ياڭراق، چىن-تەسىرلىك. ھازىرغىچە ئۇنىڭ 30 دەك ناخشا غەزەللىرى («چوپان ناخشىسى» ناملىق شېئىرلىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى ئۆزىنىڭ بولمىسا كېرەك) ۋە باشقا بەزى تەسىرلىك ئىبارە ۋە پارچىلىرى يېتىپ كەلگەن؛ ئۇنىڭ ناخشىلىرى كۆپرەك دوريانىلار دىئالېكت بىلەن يېزىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېئولىيالار دىئالېكت بىلەن يېزىلغانلىرىمۇ بار. ئۇ، قەدىمكى يېزا-قىشلاق غەزەللىرىگە ئاساس سالغۇچى دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قەدىمكى رىم ۋە كېيىنكى ياۋروپا ئەدەبىياتىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن. 

تېئۇتوبۇرگ ئورمانلىقى جېڭى

  • تېئۇتوبۇرگ ئورمانلىقى جېڭى[يەشمىسى:] گېرمانلارنىڭ رىم ئىستېلاچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق جېڭى. ئىمپېراتور ئاۋگۇست (ئوكتاۋىئان) تەختتىكى مەزگىلىدە، رىملىقلار گېرمانلار رايونىغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، مىلادى 5-يىلى رېين دەرياسىنىڭ شەرقىدە گېرمان ئۆلكىسىنى تەسىس قىلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىلادى 9-يىلى گېرمانلار كىسېسرۇسكلارنىڭ يولباشچىسى ئارمىنىئۇ (Arminius) نىڭ رەھبەرلىكىدە رىمغا قارشى چوڭ قوزغىلاڭ قىلغان. رىم باش قوماندانى ۋالېنىس ئۈچ جۈنتۇەن ۋە بىر قىسىم ياردەمچى قوشۇنلىرىنى باشلاپ باستۇرۇشقا بارغاندا، تېئوتوبۇرگ ئورمانلىقىغا (Teutoburgiensis saltus ياكى Teutoburger wald، سابىق فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ ۋېزېر دەرياسى بىلەن ئىموس دەرياسى ئارىلىقىدىكى رايونلار) ئالداپ ئېلىپ كىرىلىپ پۈتكۈل ئارمىيىسىنى گۇمران قىلغان. ۋالېنىس ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئېيتىلىشىچە ئاۋگۇست بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، بىرقانچە كۈن «ۋالېنىس جۈنتۇەنىمنى قايتۇرۇپ بەر» دەپ جار سالغانىكەن. بۇ قېتىمقى جەڭ رېين دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى گېرمانلارنىڭ مۇستەقىللىك ئورنىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، رىمنىڭ ئىمپېرىيە زېمىنىنى شىمالغا قاراپ كېڭەيتىش ھالىتىنى توسۇپ قالغان.

تېوتونلار

  • تېوتونلار[يەشمىسى:]Teutoni ياكى Teutones) قەدىمكى گېرمانلارنىڭ بىر تارمىقى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردە ئىلبا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى دېڭىز بويلىرىغا تارقالغان بولۇپ، قەيسەر، ئۇرۇشقا ماھىر بولغان. ئۇلار ئەينى زاماندا ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى باسقۇچىدا تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىرنىڭ كېيىنكى دەۋرىدە، قوشنىسى كىمبرېلار (Cimbri، يۇتلاندىيە يېرىم ئارىلىدا) بىلەن بىرلىشىپ جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەپ، رىمنىڭ شىمالىي چېگرىسىغا بېسىپ كىرگەن، ئالىپ تاغلىرىنىڭ ئەتراپىدا رىم ئارمىيىسىنى ئۇدا مەغلۇپ قىلغان. مىلادىدىن 105 يىل ئىلگىرى رودان دەرياسى (Rhodanus) نىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى (ناربون گاللىيە) رىم ئارمىيىسىنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتقان. رىم ھۆكۈمرانلىرى چۆچۈپ، كونسۇل مارىئۇسنى ئەۋەتكەن. مىلادىدىن 102 يىل ئىلگىرى ئاكۇسېكىستې (Aquae sextiae، مارسېلنىڭ شىمالىدا) دا، تېئوتونلار رىم ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان؛ ئىككىنچى يىلى كىمبرېلارمۇ (پۇ دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا) مەغلۇپ بولغان. بۇ، رىم تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق گېرمانلار بىلەن ئېلىشىش. كېيىن تېوتونلار ئومۇمەن گېرمانلار (نېمىسلار) ۋە ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولغان. توغرىسىنى ئېيتقاندا، تېوتونلار پەقەت گېرمانلارنىڭ بىر گۇرۇپپىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تېئوفراستوس

  • تېئوفراستوس[يەشمىسى:] (Theophrastos ياكى Theophrastus، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 371 — 287). قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. ئېگېي دېڭىزىنىڭ لېسبو ئارىلىدىكى ئېرېسۇس (Eresus) تا تۇغۇلغان. ئافىناغا بېرىپ ئوقۇغان، دەسلەپتە پلاتوندىن تەلىم ئالغان، كېيىن ئارستوتېلنىڭ سادىق شاگىرتىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئارستوتېل ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن قالغان نەرسىلەرگە، جۈملىدىن نۇرغۇن كىتابلار ۋە قىممەتلىك قول يازمىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، «بىلىم بېغى» (لۇكېئون) نى باشقۇرغان ھەمدە ئارستوتېل بەرپا قىلغان «ئۆز ئەركىدىكىلەر ئىلمىي ئېقىمى» نى راۋاجلاندۇرغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 305 يىل ئىلگىرى ئافىنا دائىرىلىرى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، بىر قانچە يىلدىن كېيىن يەنە ئافىناغا قايتىپ كېلىپ، دەرس ئۆتۈش ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئافىنادا تەخمىنەن 35 يىل پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇنلىغان ئاتاقلىق كىشىلەرنى (جۈملىدىن ئاتاقلىق كومېدىيە يازغۇچى مېناندروسنى) يېتىشتۈرۈپ چىققان. ئېيتىلىشىچە، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئافىنالىقلار داغدۇغىلىق دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. پەلسەپىدە ئۇ ئارستوتېل سىستېمىسىغا ئاساسلانغان ھەمدە ئۇنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان. يازغان ئەسەرلىرىنىڭ تولىسى يوقىلىپ كەتكەن، ھازىرغىچە ساقلانغانلىرىدىن مۇھىملىرى: «مىجەز توغرىسىدا» ئوتتۇز پارچە قىسقا ماقالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئادەمنىڭ مىجەزى ۋە ئاجىزلىقى شەرھلەنگەن، يەنە ئەخلاق پەلسەپىسىگە دائىر مەزمۇنلارمۇ بار؛ «ئۆسۈملۈكلەر تەزكىرىسى» (10 بابلىق) ۋە «ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبلىرى» (6 بابلىق) تىن ئىبارەت ئىككى كىتاب ئارستوتېلنىڭ تەتقىقاتى ئاساسىدا بوتانىكا سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىش سىنىقى دەپ قارالغان؛ يەنە «مېتافىزىكا» بايان قىلىنغان پارچىلارمۇ بار. ئۇنىڭ كىتاب ۋە قول يازمىلىرى شاگىرتى نېلېئۇس (Neleus) قا مىراس قالغان. 

تىبابەتچىلىك-دورىگەرلىك قامۇسى

  • تىبابەتچىلىك-دورىگەرلىك قامۇسى[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى تىبابەتچىلىك كىتابى. 365 جىلد. شىزۇڭ دەۋرىدە (1418 — 1450-يىللىرى تەختتە بولغان) جىن شۇنيى قاتارلىق كىشىلەر پەرمانغا بىنائەن تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭدا، جۇڭگو ۋە چاۋشيەننىڭ قەدىمكى زامان تىبابەتچىلىكىنىڭ نەتىجىلىرى تۈرلەر بويىچە 95 قىسىمغا ئايرىلىپ رەتلەپ چىقىلغان، ھەرقايسىسى ئۆز سىستېمىسى بويىچە توپلام قىلىنغان. ئۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى چاۋشيەن تىبابەتچىلىكىنىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

تىبېرىئۇس

  • تىبېرىئۇس[يەشمىسى:]Tiberius Claudius Nero Caesar، مىلادىدىن 42 يىل ئىلگىرىدىن مىلادى 37-يىلغىچە). قەدىمكى رىم ئىمپېراتورى (مىلادى 14 — 37). لىۋىيە (Livia Drusilla) بىلەن ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئېرى تىبېرىئۇس كلائۇدىئۇستىن تۇغۇلغان. مىلادىدىن 38 يىل ئىلگىرى لىۋىيە ئاۋگۇستۇسقا باشقىدىن ياتلىق بولغاندا، تىبېرىئۇسنى ئاۋگۇستۇس بېقىۋالغان. ئۇ رېين دەرياسى، دوناي دەرياسى بويلىرىدا ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇشقان. مىلادىدىن 12 يىل ئىلگىرى ئاۋگۇستۇسنىڭ مەجبۇرلىشى ئارقىسىدا، بۇرۇنقى ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ، جولىيە (ئاۋگۇستۇسنىڭ قىزى، ئاگرىپپانىڭ تۇل ئايالى) نى ئالغان. بىر مەھەل رايى قايتىپ، رودېستا بىر مەھەل تۇرغان. مىلادى 4-يىلى ئاۋگۇستۇس ئۇنى تەخت ۋارىسى قىلىپ بەلگىلىگەن؛ تەختكە چىققان چېغىدا 56 ياشقا كىرگەن. دەسلىپىدە سىناتقا مۆتىدىل پوزىتسىيىدە بولغان، ئەمما ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن؛ يېقىنلىرىدىن تەركىب تاپقان «مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى» نىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن. مۇھاپىزەتچى قوشۇنىنىڭ باشلىقى سېجانۇس (Sejanus) نىڭ ئەيمىنمەي زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىشىغا يول قويۇپ، كەڭ نارازىلىق قوزغىغان. مىلادى 26-يىلى كامپانىيە ئەتراپىدىكى كاپرى ئارىلىغا كېتىپ، كىشىلەرگە ئارىلاشماي ئۆز مەيلىچە ياشىغان. سېجانۇسنىڭ ئاسىيلىق قىلىش نىيىتى بارلىقىنى ئۇقۇپ، قاتتىق جازالىغان. ئاخىر مۇھاپىزەتچى قوشۇنىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باشلىقى ماكرو (Macro) نىڭ قولىدا ئۆلگەن. 

تىپۇ سۇلتان

  • تىپۇ سۇلتان[يەشمىسى:]Tipu Sultan ياكى Tippu Sahib، تەخمىنەن 1750 — 1799) جەنۇبىي ھىندىستاندىكى مەنسۇر دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانى (1782 — 1799). ھەيدەر ئەلىنىڭ ئوغلى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، ئىچكى جەھەتتە مەمۇرىيەتنى ئىسلاھ قىلغان. باج تۈزۈمىنى تەرتىپكە سالغان. تېرىلغۇ يەرنى كېڭەيتكەن، دىنىي مەزھەپلەر زىددىيىتىنى پەسەيتكەن، ھەربىي ھازىرلىقلارنى كۈچەيتكەن، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرغان، شۇنىڭ بىلەن دۆلەت روناق تاپقان. سىرتقا قارىتا ئۈزلۈكسىز يۈرۈش قىلغان ھەمدە قوشنا دۆلەتلەر ۋە فرانسىيىنىڭ قوللىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تاجاۋۇزىغا قەتئىي قارشى تۇرغان، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى بىرنەچچە قېتىم چېكىندۈرگەن. كېيىن 1799-يىلى 5-ئايدا پايتەخت سېرىنگاپاتامنى (Seringapatam) مۇھاپىزەت قىلىش جېڭىدە قۇربان بولغان، مەنسۇر مۇستەقىللىقتىن مەھرۇم بولغان. 

تىتانلار

  • تىتانلار[يەشمىسى:]Titanes) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئىپتىدائىي ئىلاھلار قەۋمى. زېمىن مەبۇدىسى گائېيا (Gaea) بىلەن ئاسمان خۇداسى ئۇرانۇس (Uranus) تىن تۇغۇلغان. جەمئىي 12 نەپەر خۇدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالتىسى ئەر، ئالتىسى ئايال. ئادەتتە 6 جۈپ قىلىنغان: كرونۇس (Cronus) بىلەن رېئا (Rhea) ئاسمان بىلەن يەر؛ ھيپېرىسون (Hyperion) بىلەن تېيا (Theia) كۈن بىلەن ئاي؛ كوئېئۇس (Coeus) بىلەن فوئېبې (Phoebe) يورۇقلۇق ياكى يۇلتۇز؛ ئوكېئانۇس (Oceanus) بىلەن تېتيس (Tethys) دېڭىز؛ كرېئوس (Creios) بىلەن ئېئۇريبيا (Eurybia) كۈچكە ۋەكىل قىلىنغان؛ تېمىس (Themis)بىلەن منېموسينې(Mnemosyne)، ئادەتتە يەنە ئون ئۈچىنچى خۇدا ئىئاپېتۇس (Iapetus) قوشۇلۇپ، ئىنسانىيەتنى ياراتقۇچى خۇدا قىلىنغان. ئۇلار گوياكى دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى گۇرۇھ بولغان. بۇ بىر قوۋم ئىلاھلار ئانىسى گائېيانىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن دادىسى ئۇرانۇسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، كرونۇسنى پادىشاھ قىلغان. كرونۇس بىلەن رېئانىڭ ئوغلى زىۋېس دادىسى كرونۇسنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان؛ زىۋېس خوتۇنى ھېرا (Hera) بىلەن ئولىمپىك تېغىدا (شىمالىي گرېتسىيىدە) ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتقان. «يۇنان ئەپسانىلىرى» گە قاراڭ.

تىتو

  • تىتو[يەشمىسى:]Josip Broz Tito، 1892 — 1980) يۇگوسلاۋىيە زۇڭتۇڭى (1953 — 1980). يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى (1969 — 1980). ئەسلى ئىسمى جۇسىپ بروز. كرودىيىنىڭ كۇمروۋىس دېگەن يېرىدە كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1905-يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن سېلىسار بولغان. 1910-يىلى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1913-يىلى ئەسكەرلىككە كىرىپ ئاۋسترۇ-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى قوشۇنىدا خىزمەت قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىرىدا روسىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان. روسىيە فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن بىر مەھەل «خەلقئارا قىزىل گۋاردىيە» گە قاتناشقان. 1920-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ، شۇ يىلى 9-ئايدا يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. يۇگوسلاۋىيە كومپارتىيىسى رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، زاگرېب مېتاللورگىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سېكرىتارى ۋە زاگرېب شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1928-يىلى نامايىشقا رەھبەرلىك قىلغانلىقتىن، بەش يىللىق ئەمگەك جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1934-يىلى تۈرمىدىن چىققان، تىتو دېگەن نام بىلەن يۇگوسلاۋىيە كومپارتىيىسى كرودىيە ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. شۇ يىلى 12-ئايدا مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا ۋە سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.1935-يىلى موسكۋاغا بېرىپ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال بالقان سېكرىتارىياتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولغان، ئىسمىنى ۋالتىر دەپ ئۆزگەرتكەن. 1937-يىلى يۇگوسلاۋىيە كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1941-يىلى گېرمانىيە، ئىتالىيە قوشۇنلىرى يۇگوسلاۋىيىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى قوراللىق كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان. خەلق ئازادلىق پارتىزانلار ئەترىتى باش قوماندانلىق شتابىنى قۇرۇپ، باش قوماندان بولغان ھەمدە خەلق ئارمىيىسى ۋە دۈشمەنگە قارشى بازا قۇرغان. 1943-يىلى 11-ئايدا يۇگوسلاۋىيە خەلق ئازادلىقى فاشىزمغا قارشى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان، شۇ يىلى يۇگوسلاۋىيە مارشالى دېگەن نام بېرىلگەن. 1944-يىلى خەلق قەھرىمانى دېگەن نامغا ئىگە بولغان. 1945-يىلى 11-ئايدا يۇگوسلاۋىيە ئازاد بولغاندىن كېيىن، فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1952-يىلى يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1953-يىلىدىن باشلاپ جۇمھۇرىيەتنىڭ زۇڭتۇڭى، قوشۇمچە قوراللىق قىسىملارنىڭ ئالىي قوماندانى بولغان. سوتسىيالىستىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى بەرپا قىلغان، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك دىپلوماتىيە لۇشيەنىنى تۈزۈپ چىققان. 1963-يىلى ئاساسىي قانۇندا ئۆمۈرۋايەتلىك زۇڭتۇڭ قىلىپ بەلگىلەنگەن. 1974-يىلى يەنە يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئۆمۈرۋايەتلىك رەئىسى قىلىپ بەلگىلەنگەن. 

تىتۇس

  • تىتۇس[يەشمىسى:]Titus Vespasianus، مىلادى 39 — 81-يىللىرى) قەدىمكى رىم ئىمپېراتورى (79 — 81-يىللار). ۋېسپاسىئاننىڭ ئوغلى. گېرمان ۋە برىتانىيىلەردە ئەسكەر بولغان. پەلەستىندە يەھۇدىيلار رىمغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، ئاتىسى بىلەن 67-يىلى قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا بارغان. ئاتىسى رىمغا قايتىپ بېرىپ ئىمپېراتور بولغاندا، ئۇ ھەربىي قوماندان بولغان. 71-يىلى ئېرۇسالىم شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندا، قاتتىق ۋەيرانچىلىق ۋە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، بىرقانچە ئون مىڭ ئاھالىنى قۇل قىلىپ سېتىۋەتكەن. ئىككىنچى يىلى زور مىقداردىكى ئۇرۇش ئولجىلىرىنى ئېلىپ رىمغا قايتىپ كېلىپ، يەھۇدىيلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش زەپەر دەرۋازىسى ياساتقان. بۇ دەرۋازا ھازىرغىچە ساقلانماقتا. ئۇ تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە 79-يىلى 8-ئايدا ۋىزوۋى يانار تېغى تۇنجى قېتىم پارتلاپ، پومپېي قاتارلىق شەھەرلەر لاۋا ئاستىدا قالغاندا قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان. ۋېسپاسىئاننىڭ سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ھەربىي ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن؛ رىم قاتارلىق شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىققان، كلۇزې چوڭ تىياتىرخانىسىمۇ مۇشۇ ۋاقىتتا پۈتكەن. 

تىخونوۋ

  • تىخونوۋ[يەشمىسى:]Николай Семёнович Тиxонов، 1896 — 1979) سوۋېت ئىتتىپاقى شائىرى ۋە يازغۇچىسى. ئۇششاق قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پېتربۇرگ سودا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئارمىيىگە قاتناشقان. 1918-يىلى قىزىل ئارمىيىگە قاتناشقان. 1934-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزاسى بولغان. 1944-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ سېكرىتارىياتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. دەسلەپكى شېئىرلىرىدا كۆپىنچە گراژدانلار ئۇرۇشىنى تېما قىلىپ، ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان: «كۆك رەڭلىك خەت-چەك ھەققىدە ناخشا»، «جەڭچىنىڭ ئۆلۈمى»، «مىخقا مەدھىيە» قاتارلىقلار. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە لېنىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، «كىروۋ بىز بىلەن بىللە» دېگەن داستاننى، «ئۇرۇش يىللىرى» دېگەن شېئىرلار توپلىمىنى، «لېنىنگراد ئۇرۇشى» دېگەن ھېكايىلەر توپلىمىنى يېزىپ، سوۋېت خەلقىنىڭ فاشىستلارغا قارشى پىداكارانە كۈرەشلىرىنى مەدھىيىلىگەن. 1949-يىلىدىن كېيىن ئۇزاققىچە سوۋېت ئىتتىپاقى تىنچلىقنى قوغداش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. يەنە «گرۇزىيىدىكى باھار»، «ئىككى جىددىي ئېقىم» دېگەن ئەسەرلىرى بار. 

تىران ھاكىمىيىتى

  • تىران ھاكىمىيىتى[يەشمىسى:]گرېكچە tyrannia نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، «زالىم پادىشاھ ھاكىمىيىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قانۇنسىز يول بىلەن ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزۈۋالغانلار قۇرغان ئىستىبداتلىق ھۆكۈمرانلىقنى كۆرسىتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرگىچە گرېتسىيىنىڭ كورنىف، ئارگوس، مېگارا، سىكىئون، ئافىنا قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرىدە تىران ھاكىمىيىتى بارلىققا كەلگەن. «تىران» (tyrannos) دېگەن سۆزدە دەسلەپ سەلبىي مەنا بولمىغان. شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىدە تىراننى بەزىدە «شاھ» دەپمۇ ئاتىغان، ئافىنادا پېستىراتوس (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىر) قۇرغان تىران ھاكىمىيىتى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچىگە زەربە بېرىش، ئىگىلىكنى ۋە مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتلىرىدە نەتىجە قازانغان. كورىنفنىڭ تىرانى پېرىئاندرو قەدىمكى يۇناندىكى «يەتتە دانىشمەن» نىڭ بىرى دەپ قارالغان. دەسلەپكى گرېتسىيىدىكى تىران ھاكىمىيىتى ئادەتتە ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرىنى تازىلاشتا ئىجابىي رول ئوينىغان. لېكىن كەسكىن سىياسىي كۈرەش ئېقىمىدا ھامان ئۇزاققىچە داۋاملىشالمىغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىردىن تارتىپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا بارا-بارا «تىران» سەلبىي مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسىلەن، سىتسىلىيە سىراكۇزىنىڭ تىرانى ئاتا-بالا دىئونىسيو شۇنداق بولغان. ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋردە ئىتالىيىنىڭ بەزى شەھەرلىرىدىمۇ تىران ھاكىمىيىتى يولغا قويۇلغان. 

تىرپىتز

  • تىرپىتز[يەشمىسى:]AIferd von Tirpitz، 1849 — 1930). گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى، دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى. بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كېيىن ئاقسۆڭەكلىك مەرتىۋىسى بېرىلگەن. 1865-يىلىدىن باشلاپ دېڭىز ئارمىيە فلوتىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1890-يىلى گېرمانىيە بالتىق دېڭىز فلوتىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1892 — 1895-يىللاردا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1896 — 1897 يىللاردا گېرمانىيىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئوكيان چارلاش فلوتىغا قوماندان بولۇپ، فلوتنى باشلاپ جۇڭگونىڭ جياۋجۇ قولتۇقىنى بېسىۋالغان. 1897 — 1916-يىللاردا دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ مۇستەملىكىچىلىك، كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى ئاكتىپ يۈرگۈزۈپ، ئەنگلىيە بىلەن دېڭىز ئارمىيە رىقابىتىنى قانات يايدۇرۇپ، فلوت قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، چەكلىمىسىز سۇ ئاستى پاراخوتى ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، باش ۋەزىر بېتمانن-خولۋېگ بىلەن ئىختىلاپ يۈز بېرىپ، 1916-يىلى 3-ئايدا ۋەزىپىدىن بوشىتىلغان. 1917-يىلى 9-ئايدا كاپ قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئەكسىيەتچىل «ۋەتەن پارتىيىسى» نى ئۇيۇشتۇرۇپ، گېرمانىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ئۇرۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرغان. 1924 — 1928-يىللاردا گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇنىڭ «ئەسلىمىلەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

ترىپولې مەدەنىيىتى

  • ترىپولې مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ برونزا-تاش قوراللار تەڭ ئىشلىتىلگەن دەۋردىكى بىر خىل مەدەنىيەت. 1898-يىلى ۋوۋىكا كىيېۋ ئەتراپىدىكى ترىپولې (Триполье) كەنتىدە تاپقاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1934 — 1938-يىللىرى قېزىلغان. ئوكرائىنادىكى دنېپىر دەرياسى ۋادىسى. جەنۇبىي بۇگ دەرياسى ۋادىسى ۋە دنېستىر (Днестр) دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان. دەۋرى تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 4000 — 3000 يىللار ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. ئىقتىسادىي تۇرمۇشتا دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى ئەڭ قەدىمىي دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى خارابىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار قوشۇمچە بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ئاساسەن تاش قوراللار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە تاش پالتا، تاش ئوغاق، تاش پىچاق، تاش قىرغۇچ قاتارلىقلار بار. يەنە ئۇستىخان ۋە مۈڭگۈزدىن ياسالغان نۇرغۇن ئەسۋابلار تېپىلغان. شۇنىڭدەك ئاز ساندىكى تۆت قىرلىق بىگىز، قارماق قاتارلىق تۇچ قوراللارمۇ بار. تەرەققىي تاپقان ساپالچىلىق ۋە توقۇمىچىلىق كەسپى بولغان. ساپال قاچىلارنىڭ ئىشلىنىشى نەپىس، شەكلى مول، ئۇلارنىڭ تولىسىدا رەڭلىك سۈرەتلەر ۋە يىڭنە بىلەن چېكىلگەن، بۇرمىسىمان، يۇمىلاق ھەم پاراللېل نەقىشلەر بار. كەنت خارابىسىدا، كۆلىمى ئىنتايىن كەڭ بولغان، شاخ-شۇمبىدىن ياسالغان كوللېكتىپ ياتاق ئۆيلەر بار، ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى شۇكى، قاتار دۈگىلەك شەكىلدە سېلىنغان. ياتاق ئۆيلەر ئومۇمەن سوزۇنچاق شەكىلدە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 5 — 30 مېتر، كەڭلىكى 5 — 7 مېتر كېلىدۇ، ئارىسى تام بىلەن ئايرىلغان، ئۆيلەرنىڭ ئىچىدە ئوچاق بار، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان ساپال ھەيكەللەر تېپىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاياللارنىڭ ھەيكەللىرى كۆپرەك، ئەرلەرنىڭ ھەيكەللىرى ئازراق، تولىسى نەزىر-چىراغ سۇپىسى ياكى ئوچاق يېنىدىن تېپىلغان. بۇنى ماترىئارخاللىق تۈزۈمىنىڭ ئالامىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئاخىرقى مەزگىللەردە پاترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى جەمئىيەتكە ئۆتۈشكە باشلىغان. 

تىرىلگەن بوربۇن سۇلالىسى

  • تىرىلگەن بوربۇن سۇلالىسى[يەشمىسى:] فرانسىيىدىكى قايتىدىن تىرىلگەن سۇلالە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فرانسىيىدە ناپولېئون ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن بوربۇن جەمەتى قايتىدىن قۇرغان سۇلالە (1814 — 1830). 1814-يىل 1-ئاينىڭ 31-كۈنى 6-قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە پارىژغا كىرگەندىن كېيىن بوربۇن سۇلالىسىنىڭ فرانسىيىدە قايتا ئەسلىگە كېلىشىنى بەلگىلىگەن. 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ناپولېئونⅠ تەختتىن چۈشكەن. لۇئى ⅩⅧ 5-ئاينىڭ 3-كۈنى پارىژغا كىرگەن. 6-ئاينىڭ 4-كۈنى 1814-يىللىق نىزامنامىنى ئىمزالىغان. بۇ، بىرىنچى قېتىملىق قايتا تىرىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1815-يىلى ناپولېئوننىڭ يۈز كۈنلۈك سۇلالىسى مەزگىلىدە لۇئى ⅩⅧ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 7-ئاينىڭ 6-كۈنى 7-قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە پارىژغا كىرگەن، 8-كۈنى لۇئى ⅩⅧ قايتىدىن پادىشاھلىق ئورنىغا چىققان. بۇ ئىككىنچى قېتىملىق قايتا تىرىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قايتا تىرىلگەن سۇلالە كونا تۈزۈمنىڭ ئاددىيلا ئەسلىگە كېلىشى بولماستىن، بەلكى ئاقسۆڭەك، پومېشچىكلار بىلەن چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ مۇرەسسەلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. لېنىن بۇ «بۇرژۇئا پادىشاھلىق تۈزۈمىگە ئۆزگىرىشىدە بېسىلغان بىر قەدەم» دەپ ھېسابلىغان. پادىشاھنىڭ ئىنىسى گراف ئاتوۋا باشچىلىقىدىكى ئىنتايىن جاھىل مونارخىستلار كونا تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. 1824-يىلى 9-ئايدا گراف ئاتوۋا تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، كارل Ⅹ دەپ ئاتالغان ۋە كۈچىنىڭ بارىچە ئەكسىيەتچى سىياسەت يۈرگۈزگەن. ئاخىر 1830-يىلدىكى ئىيۇل ئىنقىلابى يۈز بەرگەن. 8-ئاينىڭ 2-كۈنى كارل Ⅹ تەختتىن چۈشۈپ، ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن تىرىلگەن بوربۇن سۇلالىسىگە خاتىمە بېرىلگەن. 

تىرىنتوس

  • تىرىنتوس[يەشمىسى:]Tirynthos ياكى Tiryns) پېلوپوننېسوس يېرىم ئارىلىنىڭ (جەنۇبىي گېرېتسىيە) شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى قەدىمىي شەھەر. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅤ ئەسىردە بىنا قىلىنغان، ئارگولس تەۋەلىكىدە بولۇپ، شىمالىي قوشنىسى مىتسىنا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە مىستسىنا مەدەنىيىتىنىڭ (ئېگېي مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى) مۇھىم خارابىلىرى ھېسابلىنىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، كىچىك ئاسىيادىكى لىتسىيە (Lycia) كۆچمەنلىرى قۇرغان بولۇپ، مىستسىنا ئاۋاتلاشقان مەزگىللەردە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان بولسا كېرەك. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىردىكى گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە يېنىدىكى چوڭ شەھەر ئارگوسنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغاندىن ئېتىبارەن خارابلاشقان. 1884 — 1876يىللىرى گېرمانىيە ئارخېئولوگى سېلېمان ۋە دورىفېلد (Wilhelm Dorpfd، 1853 — 1940) لارنىڭ قېزىشى بىلەن تىرىنتۇس قەدىمىي قەلئەسىنىڭ سېپىل دەرۋازىسى (شەرقىي تەرەپ)، ئوردا سارىيى قاتارلىق پۈتۈن جايلىشىشى نامايان بولغان ھەمدە زور تۈركۈمدە مېتال، ساپال ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىغا ئېرىشكەن؛ قارىلىشىچە، ئۇنىڭ مۇستەھكەم سېپىلى مىستسىنا شەھىرىنىڭكىگە قارىغاندىمۇ قەدىمىيرەك ئىكەن. بۇ كەشپىيات گومېر داستانلىرىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئاكايالارنىڭ جەمئىيىتىنى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى دەلىللەپ بەرگەن. بۇ، مىتسىنا دەۋرىگىلا ئەمەس، بەلكى دەسلەپكى قەدىمىي يۇنان تارىخىغا بولغان تەتقىقاتتا بىردەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

تىزىئانو

  • تىزىئانو[يەشمىسى:]Tiziano Vecellio، 1490 — 1576). ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئىتالىيىلىك رەسسام، ۋېنېتسىيە رەسىمچىلىك ئېقىمىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى. ئىتالىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى فىرىئۇلى (Friuli) رايونىدا تۇغۇلغان. ياشلىق دەۋرىدە ۋېنېتسىيىگە بېرىپ رەسسام بېللىنى (Giovanni Bellini، تەخمىنەن 1430 — 1516) نى ئۇستاز تۇتقان ھەمدە ئۆزى بىلەن قۇرداش رەسسام گىئورگىئونېنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۆمرىنىڭ تولىسىنى ۋېنېتسىيىدە ئۆتكۈزگەن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى، ئىسپانىيە كورۇلى فېلىپ Ⅱ نىڭ ئوردا رەسسامى بولغان. ئۇنىڭ ئىجادىيەت سۇژىتى مول بولۇپ، دىنىي ھېكايە ۋە ئەپسانىلەرمۇ، كىشىلەرنىڭ سۈرەتلىرىمۇ بار. ئاساسلىق ئەسەرلىرى «باجغا تۆلىنىدىغان كۈمۈش»، «مەريەم ئانىنىڭ خۇدا دەرگاھىغا كېتىشى»، «شاراب تەڭرىسى بىلەن مەلىكە ئالىيادنى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

تىسوجىزېن ئىتارۇكې

  • تىسوجىزېن ئىتارۇكې[يەشمىسى:]1877 — 1955) ياپونىيە تارىخشۇناسى، ئەدەبىيات دوكتورى. خىيوگو ناھىيىسىنىڭ كىجى شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1900-يىلى توكيودىكى ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ ياپون تارىخى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1923-يىلى توكيو ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1929-يىلى مەزكۇر مەكتەپنىڭ تارىخ ماتېرىياللارنى تۈزۈش ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1932-يىلى ئىمپېرىيە ئالىملار يۇرتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1952-يىلى مەدەنىيەت ئوردىنىغا ئېرىشكەن. ئاساسلىقى بۇددا دىنىنى مەركەز قىلغان مەدەنىيەت تارىخى ۋە تارىخنى تەتقىق قىلغان، «ياپونىيە بۇددا دىنى تارىخى تەتقىقاتى» (ئىككى قىسىم)، «ياپونىيە بۇددا دىنى تارىخى» (ئون توم)، «ياپونىيە مەدەنىيەت تارىخى (11 توم)، «مىيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىدە ئىلاھ بىلەن بۇددا دىنىنىڭ بۆلۈنۈش تارىخى ماتېرىياللىرى»(بەش توم) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

تىسۇبو ئۇچى شويو

  • تىسۇبو ئۇچى شويو[يەشمىسى:]1859 — 1935) ياپونىيىلىك يازغۇچى، دراماتورگ، ئوبزورچى ۋە تەرجىمان. ئەدەبىيات دوكتورى. ئەسلى ئىسمى يوزۇ، كېيىن شىيۇڭزاڭ (يوزۇ) دەپ ئاتالغان، تەخەللۇسى خارۇرويا، يەنە بىر تەخەللۇسى شويويۇخىتو. توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ياش ۋاقتىدا «ھېكايە جەۋھىرى» دېگەن ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەرىيىسى ۋە «زامانىمىزدىكى تالىپلارنىڭ خىسلىتى» دېگەن رومانىنى ئېلان قىلىپ، ياپونىيە يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى ۋە ئاساسچىسى بولۇپ قالغان. كېيىن توكيو كەسپىي مەكتىپى (ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكتى) دە ئەدەبىيات كەسپىنى ئېچىپ، «ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان ھەمدە سەھنە ئەسىرى ئىجادىيىتى ۋە ئىسلاھات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئەسەرلىرىدىن «توڭيىيى» دېگەن تارىخىي درامىسى، «يولۇچىنىڭ رولىنى ئالغۇچى» دېگەن سىمۋوللۇق تىياتىرى، «ئۇراشىمادىكى يېڭى ناخشا» دېگەن ئۇسسۇللۇق تىياتىرى بار. ئۇ يەنە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان غەيرەت بىلەن 30 نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 40 توملۇق «شېكسپىر ئەسەرلىرى» نى تەرجىمە قىلىپ چىققان. ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئويۇن كۆرسىتىدىغان مۇزېي ياساتقان. 13 توملۇق «تىسۇبوئۇچى شويو ئەسەرلىرى» (يەنە قوشۇمچە ئىككى قىسىم) بار. 

تىسۇبوئى ئاكىراگورو

  • تىسۇبوئى ئاكىراگورو[يەشمىسى:]1863 — 1913) ياپونىيىلىك ئانتروپولوگ، ئارخېئولوگ. 1877-يىلى ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىپ تەييارلىق فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1884-يىلى توكيو «ئانتروپولوگىيە جەمئىيىتىنى تەشكىللەپ، 1886-يىلى «ئانتروپولوگىيە جەمئىيىتى ژۇرنىلى» نى نەشىر قىلىپ، كېيىن بۇ جەمئىيەتنىڭ باشلىقى بولغان. 1889-يىلى ئەنگلىيىگە چىقىپ ئوقۇغان. 1892-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1898-يىلى تەبىئىي پەن ئىلمىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1912-يىلى روسىيىنىڭ پېتېربۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەرقايسى ئەل پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېت يىغىنىغا قاتناشقان، كېيىن شۇ جايدا كېسەل بىلەن ئۆلگەن. ئۇ ياپونىيىنىڭ تاش قوراللار دەۋرىدىكى ئىرقى «لۇشيالار» (كېلوبوكىرلار) دەپ قارىغان. «ئانتروپولوگىيە ھەققىدە كونسىپىك»، «خانىۋا ئۈستىدە تەكشۈرۈش» قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلىرى بار. 

تىسۇبوئى كۇبامىتسۇ

  • تىسۇبوئى كۇبامىتسۇ[يەشمىسى:] (1858 — 1936) ياپونىيە تارىخشۇناسى. 1881-يىلى توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي پەن كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1885-يىلى تەبىئىي پەن كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1887-يىلى گېرمانىيە، شۋېتسارىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ئوقۇپ، تارىخ تەتقىق قىلغان. 1891-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەدەبىيات دوكتورى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، مەكتەپ مۇدىرى، ئىمپېرىيە ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى، ياپونىيە ئارخېئولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. ياپونىيە دەلىلچىلىك تارىخشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى. «يېقىندىن بۇيانقى سىياسىي دىپلوماتىيە تارىخى»، «تارىخ تەتقىقات ئۇسۇلى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

تىسېلىئۇس

  • تىسېلىئۇس[يەشمىسى:]Arne Wilhelm Kaurin Tiselius، 1902 — 1971). شۋېتسىيىلىك فىزىك، بىئوخىمىك. ستوكھولمدا تۇغۇلغان. 1930-يىلى ئۇپسالا داشۆسىدە دوكتور ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئالغان. كېيىن ئامېرىكىدا ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1938-يىلدىن باشلاپ ئۇپسالا داشۆسىنىڭ پروفېسسوى بولغان. 1948-يىلى ئۇپسالا بىئوخىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. ئېلېكترلىك ئۈزۈشتىن پايدىلىنىپ ئاقسىل، قەنت، تۇز، كىسلاتا قاتارلىق ماددىلارنى ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى (تىسېلىئۇس ئېلېكترلىك ئۈزۈش ئەسۋابى) نى تەرەققىي قىلدۇرغان. يەنە رەڭ قاتلاملىرىنى ئايرىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، بىرىكمە قان شىرنىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. 1948-يىلى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

تىكال

  • تىكال[يەشمىسى:]Tikal). ئوتتۇرا ئامېرىكا مايا مەدەنىيىتىنىڭ كلاسسىك دەۋرىدىكى شەھەر خارابىسى. گۇاتېمالا شەھىرىنىڭ شىمالىدىن تەخمىنەن 300 كىلومېتر يىراقلىقتىكى ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقىنىڭ ئىچىدە. دەۋرى تەخمىنەن مىلادىدىن 600 يىل ئىلگىرىدىن مىلادى 900-يىلغىچە بولۇپ، 1848-يىلى تېپىلغان، 1956-يىلى قېزىلىشقا باشلىغان. شەھەر دائىرىسى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئەتراپىدىكى ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇئەييەن يۆنىلىش بويىچە ياسالغان. شەرق ۋە غەرب تەرىپىدە 1-ۋە 2-نومۇرلۇق ئىلاھلار ئىبادەتخانىسى، شىمال تەرىپىدە بىر گۇرۇپپا ساراي بىنالىرى، جەنۇب تەرىپىدە يەنە 3-ۋە 4-نومۇرلۇق ئىلاھلار ئىبادەتخانىسى بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 4-نومۇرلۇق ئىلاھلار ئىبادەتخانىسىنىڭ ئېگىزلىكى 65 مېتر، مايا رايونى بويىچە ئەڭ ئېگىز بىنا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئىچىدە يەنە ئوردا، توپ مەيدانى، تۇرار جايلار، توسما، سۇ كۆلچىكى ۋە كەڭ يوللار بار. نۇرغۇن تاش ھەيكەللەر ئورنىتىلغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى تاش ھەيكەل مىلادىدىن 292 يىل ئىلگىرى، ئەڭ كېيىنكىسى مىلادى 869-يىلى ئويۇلغان. بەزى پىرامىدالارنىڭ ئاستىدا قەبرىستان بار. بۇ شەھەر خارابىسىدىن ھەر خىل سايمانلار، نەزىر-چىراغ بۇيۇملىرى، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى قېزىۋېلىنغان. تىكال ئىلاھلار ئىبادەتخانىسى ئېگىز ۋە تىك ياسىلىپ، ھەشىمەتلىك بېزەلگەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ياسالغان يىلى بىر قەدەركېيىن بولۇپ، تەخمىنەن مىلادى Ⅷ — Ⅶ ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ. 

تىكاماتسۇ موندژائىمون

  • تىكاماتسۇ موندژائىمون[يەشمىسى:] (1653 — 1724) ياپونىيە ئېدو دەۋرىدە ئۆتكەن دراماتورگى، دزىيورۇرى تىياتىر سەھنە ئەسىرى يازغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى سۇگىنومورى نوبۇرې. ياشلىق دەۋرىدە، كىيوتو ئەتراپىدىكى تىكاماتسۇ ئىبادەتخانىسىدا ئوقۇغان ھەمدە بۇ ئىبادەتخانا نامىنى ئۆزىنىڭ فامىلىسى قىلغان. ئاتاقلىق ئارتىس ساكاتا توجۇرۇ (1647— 1709) ئورۇنلىغان درامىلارنى يېزىپ بېرىش بىلەن داڭق چىقارغان. يەنە تاكىمو تويوشى تافۇ (1651 — 1714) غا يېزىپ بەرگەن دزىيورۇرى يېڭى سەھنە ئەسەرلىرىدە تىپنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قوزغىغان. 1703-يىلى يازغان «سونېزاكنىڭ ئىشق-مۇھەببەت يولىدا قۇربان بولۇشى» ناملىق ئەسىرى بىر مەھەل داڭق چىقارغان. 1715-يىلى يازغان «گۇشىڭيى بىرلەشمە جېڭى» ناملىق ئەسىرىدە، جېڭ چىڭگۇڭنىڭ ئىش ئىزلىرى مەدھىيىلەنگەن. 

تىك قەبرە مەدەنىيىتى

  • تىك قەبرە مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى قىزىل مىس دەۋرى مەدەنىيىتى. دنېپىر دەرياسى بىلەن ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى ئارىلىقىغا تارقالغان. قەبرىنىڭ ئۈستىدىكى توپا ئېگىز ئەمەس (ئادەتتە بىر مېتردىن يەتتە مېترغىچە بولىدۇ)، تېگىدە ئانچە چوڭقۇر بولمىغان تىك قەبرە كولانغان، قەبرە ئاستى بىلەن جەسەتنىڭ ئۈستىگە قىزىل رەڭلىك ماتېرىياللار چېچىلغان، قەبرە ئۈستى تاختاي بىلەن يېپىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە توپا دۆۋىلەنگەن. جەسەت يىغىپ كۆمۈلگەن. قەبرىدىن چاقماق تاشتىن ياسالغان پىچاق، يونۇش ئەسۋابى،ئوقيا ئۇچى، شۇنىڭدەك سۆڭەكتىن ياسالغان قوراللار ۋە قىزىل مىس قوراللار چىققان. ئىقتىسادىي تۇرمۇشى بېلىقچىلىق ھەم ئوۋچىلىقنى ئاساس قىلغان. ساپال بۇيۇملار تۇخۇم شەكلىدىكى ئاستى ئۇچلۇقراق كەلگەن. دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئۈچ مىڭىنچى يىلدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئىككى مىڭىنچى يىلغا توغرا كېلىدۇ.

تىگلات-پىلېسېر

  • تىگلات-پىلېسېر[يەشمىسى:]Ⅰ (PileserⅠ-Tiglath) ئاسسۇرىيە پادىشاھلىقىنىڭ شاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1115 — 1077). مەمۇرىي تۈزۈملەرنى ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇش ھارۋىسى ئەترىتىنى قۇرۇپ، ھەربىي كېڭەيمىچىلىكنى يولغا قويۇپ، ئاسسۇرىيىنى قايتىدىن گۈللەندۈرگەن. ئويما يېزىقلاردا ئۇنىڭ شىمالدا نائىرى (Nairi) نى بويسۇندۇرۇپ، جەنۇبتا بابىلوننى ئىشغال قىلغانلىقى، غەربتە سۈرىيە ۋە فىنىكىيىگە بارغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، ئېيتىلىشىچە، مىسىر فىرئەۋىنى ئۇنىڭغا تىمساھ بىلەن بېگموتنى تارتۇق قىلىپ، ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىلاھ ئىبادەتخانىلىرىنى ياساتقان، سۇ ئىنشائاتلىرى قۇرۇلۇشىغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا، جەنۇبتىكى ئارامېلار يەنە باستۇرۇپ كىرىپ، زېمىنى پارچىلىنىپ كەتكەن. 

تىگلات-پىلېسېر

  • تىگلات-پىلېسېر[يەشمىسى:]Ⅲ (PileserⅢTiglath،مىلادىدىن ئىلگىرى ؟— 727) ئاسسۇرىيە پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 744 — 727) ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يەرلىك باش ۋالىيلارنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەپ، شەھەرلەرنىڭ باجنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان؛ ھەربىي ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، دائىمىي ئارمىيىنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، ھەر خىل قىسىم تۈرلىرىنى، جۈملىدىن ئۇرۇش ھارۋىسى قىسىمى، ئاتلىق ئەسكەر قىسىمى، ئېغىر قوراللار بىلەن قوراللانغان قىسىم ۋە يېنىك قوراللار بىلەن قوراللانغان قىسىم، سېپىلغا ھۇجۇم قىلغۇچى قىسىم ۋە قۇرۇلۇش قىسىمى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلغان، خىل قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇپ، جەڭگىۋارلىق كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن. كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغاپ، مىلادىدىن 743 يىل ۋە 735 يىل ئىلگىرى شىمالدىكى ئۇرارتۇنى ئىككى قېتىم مەغلۇپ قىلغان. يەنە سۈرىيە بىلەن ئىسرائىلىيىگە بېسىپ كىرىپ، مىلادىدىن 732 يىل ئىلگىرى دەمەشقنى ئالغان ۋە ئارامېلار قۇرغان دۆلەتنى يوقىتىپ، بويسۇندۇرۇلغانلارنى خىراج تۆلەشكە مەجبۇر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زور تۈركۈمدىكى بويسۇندۇرۇلغان ئاھالىنى باشقا يۇرتلارغا كۆچۈرۈپ، ئۇلارغا بوز يەر ئاچقۇزۇپ، ئىجارە ھەققى تۆلەتكۈزگەن. مىلادىدىن 729 يىل ئىلگىرى ئۆزىنى بابىلون پادىشاھى دەپ ئاتاپ، ئىسمىنى پۇل (Pul) دەپ ئۆزگەرتكەن. تىگلات-پىلېسېر Ⅲ دەۋرىدە، ئاسسۇرىيە ئەينى ۋاقىتتىكى غەربىي ئاسىيادا ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. 

تىلاك

  • تىلاك[يەشمىسى:]Bal Gangadhar Tilak، 1856 — 1920) ھىندىستان بۇرژۇئازىيە مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. خەلق كونگرېسى پارتىيىسى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە رادىكاللىرىنىڭ داھىيسى، تارىخشۇناس. ماراتا مىللىتىدىن بولغان براخمان ئۇششاق پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قانۇن ئۆگەنگەن. 1880-يىلى پوئونا شەھىرىدە يېڭى ئىنگلىز تىلى مەكتىپى ئاچقان. 1881-يىلى «ئاي نۇرى گېزىتى» ۋە «شىر گېزىتى» نى تەسىس قىلىپ، مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان ھەمدە مۇستەملىكىچى دائىرىلەرنىڭ زوراۋانلىقىنى پاش قىلغان. 1884-يىلى «دېككان مائارىپ جەمئىيىتى» نى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1893-ۋە 1895-يىللىرى ھىندىلارنىڭ گانېش (Ganesh) ئىلاھ بايرىمىنى خاتىرىلەش يىغىنى ۋە ماراتا مىللىتىنىڭ قەھرىمانى شىۋاجىنى تەبرىكلەش يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ھىندىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئېڭىنى ئويغاتقان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ بېشىدا، خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ ئىچىدە رادىكال گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، 1905 — 1908-يىللاردىكى ئەنگلىيىگە قارشى كۈرەشكە ئاكتىپ قاتناشقان. ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، تولۇق مۇستەقىللىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەمما ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە كونسېرۋاتىپ كۆز قاراشتا بولۇپ، ھىندى دىنىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى تەكىتلەپ، تائىپە تۈزۈمى ۋە قالاق ئۆرپ -ئادەتلەرنى قوغدىغان. كەڭ مۇسۇلمانلار بىلەن ئىتتىپاقلاشمىغان، دېھقانلارنىڭ يەر مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان. 1908-يىلى مۇستەملىكىچى دائىرىلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 6 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئاخىرقى ئۆمرىدە «مۆتىدىل گۇرۇھ» قا مايىل بولۇپ، ھىندىستان ئاپتونومىيىسى تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلغان. 1916-يىلى ھىندىستان ئاپتونومىيە ئىتتىپاقىنى قۇرغان. شۇ يىلى جىنناھ بىلەن «لاككنوۋ ئەھدىنامىسى» نى تۈزگەن. ئاساسىي ئەسەرلىرى «ئىلاھ ئورىئان»، «بۇددا ناخشىسىدىكى سىر» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

تىلاۋەتنامە

  • تىلاۋەتنامە[يەشمىسى:] ئەنگلىيىنىڭ دۆلەت دىنى يەنى ئانگىلىكان چېركاۋىنىڭ تىلاۋەتنامىسى. ئەنگلىيە كورۇلى ئىدۋارد Ⅵ (Edward Ⅵ، 1547 — 1553) تەختتىكى ۋاقتىدا كېنتېربېرنىڭ ئارخىئېپىسكوپى توماس كرانمېر(Thomas Cranmer ، 1489 — 1556) تۈزۈپ چىققان. 1549-يىلى تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغان. 1552-، 1559-ۋە 1662-يىللىرى كۆپ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. مارىⅠ تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان. ئېلزابىتⅠ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 

تىلەمچى موناخلار جەمئىيىتى

  • تىلەمچى موناخلار جەمئىيىتى[يەشمىسى:] «تىلەمچى راھىبلار ئۆمىكى»، «قەلەندەر راھىبلار ئۆمىكى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پاپانىڭ يۆلىشى بىلەن قۇرۇلغان كاتولىك موناخلىرىنىڭ تەشكىلاتى. خۇسۇسىي مۈلۈك ئىگىلىمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، تىلەمچىلىك قىلىش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. جەمئىيەت ئەزالىرى ھەممە يەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، «كەمبەغەللەر ئىنجىلى» دېگەننى تەشۋىق قىلىپ، خەلقتىن نامراتلىققا شۈكرى قىلىپ، پاپاغا سادىق بولۇپ، ئىنقىلابىي كۈرەشتىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلغان. شۇڭا، ئەمەلىيەتتە، پاپانىڭ بىدئەت ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى قورالىغا ئايلىنىپ قالغان. لېكىن يۇقىرى تەبىقىدىكى جەمئىيەت ئەزالىرى سوۋغا-سالاملارنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، ئۇزاققا قالماي ناھايىتى كۆپ بايلىق توپلىۋالغان. ئۇنىڭ ئوردو فرانسىسكا نورۇم ۋە ئوردو دومىنكا نورۇم دېگەن ئاساسلىق مەزھەپلىرى بار.

تىلتۇمار

  • تىلتۇمار[يەشمىسى:] يەنى «گۇناھىنى يۇيۇش تۇمارى».

تىللى

  • تىللى[يەشمىسى:]Johann Tserclaes Tilly، 1559 — 1632) 30 يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى (1618 — 1648) كاتولىك ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى. ئىسپانىيىگە تەۋە نېدېرلاندتا تۇغۇلغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا نېدېرلاندتا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1600 — 1062-يىللىرى ۋېنگرىيىگە بېرىپ تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1610-يىلى باۋارىيە كىنەزى ماكسىمىلىئان Ⅰ نىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، كاتولىك ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1620-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئەسكەر باشلاپ ئاق تاغ جېڭىدە چېخ ئەسكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. 1621-يىلى چېخنى ئىشغال قىلغان. 1626-يىلى 8-ئايدا، دانىيە كورۇلى كىرىستىئان Ⅳ نى مەغلۇپ قىلغان. 1630-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىقىغا كۆتۈرۈلگەن. ياندۇرقى يىلى 9-ئايدا شۋېتسىيە كورۇلى گۇستاۋ ئادولف تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1632-يىلى 4-ئايدا بىر قېتىملىق جەڭدە زەخىملىنىپ ئۆلگەن. 

تىلور قوزغىلىڭى

  • تىلور قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ئاۋسترىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى تىلور خەلقىنىڭ فرانسىيە ۋە باۋارىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنىغا قارشى قوزغىلىڭى. جەمئىي 2 قېتىم بولغان. (1) 1703-يىلى 6-ئايدا، فرانسىيە، باۋارىيە قوشۇنى تىلورغا بېسىپ كىرگەن، يەرلىك ھۆكۈمەت تەسلىم بولغان، تىلور خەلقى دەرھال قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تاجاۋۇزچىلارغا زەربە بەرگەن ھەمدە خەلققە قورال تارقىتىپ بېرىشنى، ۋەتەن ساتقۇچلارنى قاتتىق جازالاشنى، فېئوداللىق ئىمتىياز ۋە ئولپاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، باج تۆلەش باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 7-ئايدا قوزغىلاڭچىلار دۈشمەن قوشۇنىنىڭ ياردەمگە كەلگەن قىسىملىرىنى تارمار قىلغان. 8-ئايدا مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەن دۈشمەن قوشۇنىنى تاكى باۋارىيە زېمىنىغىچە قوغلاپ بارغان. (2) 1809-يىلى فرانسىيە قوشۇنى بىلەن باۋارىيە قوشۇنى تىلورنى ئىشغال قىلىپ، شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، يەرلىك خەلق ئاندرى ھوپورنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭچىلار ئەپلىك جىلغا ۋە ئۆتكەل ئېغىزلىرىنى ئىگىلەپ، دۈشمەن قوشۇنىغا زەربە بەرگەن ھەمدە ئىننىسبرۇك ۋە پۈتكۈل تىلورنى ئازاد قىلىپ، دېھقانلار ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. 9-ئايدا، قوزغىلاڭچىلار فرانسىيە قوشۇنى ۋە باۋارىيە قوشۇنىنىڭ ياردەمگە كەلگەن قىسىملىرىنىڭ شىمال ۋە جەنۇبتىن قىستاپ زەربە بېرىشى ئاستىدا، يەككە-يېگانە ھالدا باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغان. 10-ئايدا باستۇرۇلغان. 

تىلسىت سۈلھ شەرتنامىسى

  • تىلسىت سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] ناپولېئون 1807-يىلى روسىيە ۋە پرۇسسىيە بىلەن ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامە. فرانسىيىگە قارشى تۆتىنچى قېتىملىق ئىتتىپاق بىلەن بولغان ئۇرۇشتا، ناپولېئون 1806-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 1807-يىلدا پرۇسسىيە ۋە روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ قىلغان. چار پادىشاھ ئالېكساندر Ⅰ سۈلھ تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1807-يىل 7-ئاينىڭ 7-كۈنى تىلسىت (Tilsit، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كالىنىن ئوبلاستىدىكى سوۋېتسك Cоветск — ) تا فرانسىيە-روسىيە سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالانغان، 9-كۈنى فرانسىيە-پرۇسسىيە سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالانغان. سۈلھ شەرتنامىسىگە ئاساسەن، پرۇسسىيە ئېلبا دەرياسىنىڭ غەربىدىكى جايلاردىن ۋە پولشانى بۆلۈشۈۋالغان چاغدا ئىگە بولغان پۈتكۈل زېمىندىن ئايرىلىپ، پەقەت ئېلبا دەرياسى بىلەن نېمان دەرياسىنىڭ ئارىلىقىدىكى ئەسلى زېمىنى ۋە سىلېسىيىنىلا ساقلاپ قالالىغان؛ غەربىي پرۇسسىيە، ھاننوۋېر، ساكسونىيىلەردىن ۋىسېتفالىيە پادىشاھلىقى تەشكىل قىلىنىپ، رېلوم بۇناپارت كورۇل بولغان؛ ئەسلىدە پرۇسسىيىگە قاراشلىق بولغان پولشا (باۋستوكتىن باشقا) دىن پولشا كىنەزلىكى تەشكىل قىلىنىپ، ساكسونىيە كورۇلى تەرىپىدىن كىنەز تەيىنلەنگەن؛ پرۇسسىيە ئارمىيىسى قىسقارتىلىپ 40 مىڭ كىشىگە چۈشۈرۈلگەن؛ پرۇسسىيە فرانسىيىگە يۈز مىليون فرانك ئۇرۇش چىقىمى تۆلىگەن؛ روسىيە فرانسىيىنىڭ ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا بويسۇندۇرغان رايونلىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئېتىراپ قىلغان؛ روسىيە پرۇسسىيىگە قاراشلىق پولشانىڭ باۋستوك رايونىغا ھەمدە تۈركىيە بىلەن شۋېتسىيىگە ئەركىن كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئىجازىتىگە ئىگە بولغان؛ فرانسىيە بىلەن روسىيە ئەنگلىيە ۋە تۈركىيىگە قارشى مەخپىي ھەربىي ئىتتىپاق تۈزگەن؛ روسىيە بىلەن پرۇسسىيە ناپولېئوننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىش سىياسىتىنى قوبۇل قىلغان. بۇ سۈلھ شەرتنامىسى فرانسىيىگە قارشى تۆتىنچى قېتىملىق ئىتتىپاقنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن ۋە ناپولېئوننىڭ روسىيە بىلەن بىرلىشىپ ئەنگلىيىگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ستراتېگىيىلىك ئىدىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

تىل-يېزىق جۇجۇقى

  • تىل-يېزىق جۇجۇقى[يەشمىسى:] چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان يېزىق ئىجاد قىلىش ئورگىنى، «چاۋشيەن ئېلىپبەسى»گە قاراڭ.

تىموشېنكو

  • تىموشېنكو[يەشمىسى:]Семён Константинович Тимошенко، 1895 — 1970) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى، دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1915-يىلى ئەسكەرلىككە ئېلىنغان، ئۆكتەبر ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئىچكى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا سارتسىن مۇداپىئە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1919-يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. شۇ يىلى ئاتلىق قىسىملار دىۋىزىيە كوماندىرى بولغان. ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن ئاتلىق قىسىملار جۈنتۇەنىگە قوماندانلىق قىلغان. 1937-يىلىدىن باشلاپ شىمالىي كاپكاز ۋە خاركوۋ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى بولغان. 1940-يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە خەلق كومىسسارى بولغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە، دۆلەت مۇداپىئە مۇئاۋىن خەلق كومىسسارى، ئالىي قوماندانلىق شتابىنىڭ ۋەكىلى، غەربىي ئۇرۇش سېپى، غەربىي جەنۇبىي ئۇرۇش سېپى ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى، ستالىنگراد يۆنىلىش ئارمىيىسى ۋە غەربىي شىمال يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1960-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باش تەپتىشى بولغان. 0791 - 1691-يىللىرى پېشقەدەم جەڭچىلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. س ك پ (ب) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى (1939—1952) بولغان.

تىنچلىق پەرمانى

  • تىنچلىق پەرمانى[يەشمىسى:] روسىيە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پەرمانلىرىدىن بىرى. لېنىن تەييارلىغان. 1917-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى (رۇس كالېندارى بويىچە 10-ئاينىڭ 26-كۈنى) دا پۈتۈن روسىيە ئىشچى-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتىنىڭ 2-قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان. پەرماندا جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىش «ئىنسانىيەتكە قارشى چېكىدىن ئاشقان جىنايەت» دەپ ئەيىبلەنگەن؛ بارلىق ئۇرۇش قىلىۋاتقان دۆلەتلەر خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئادىل، دېموكراتىك سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالاپ، يەر بۆلۈپ بەرمەيدىغان، تۆلەم تۆلىمەيدىغان تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەكلىپ قىلىنغان؛ باشقا دۆلەتلەرنىڭ زېمىنلىرىغا تاجاۋۇز قىلىش ۋە ئۇنى قوشۇۋېلىشقا قارشى تۇرۇپ، ئومۇمەن بىر ئاجىز كىچىك مىللەتنى بىر قۇدرەتلىك دۆلەت قوشۇۋالغاندا، بۇ مىللەتنىڭ ئېنىق ۋە ئىختىيارلىق ئىپادىسىگە ئىگە بولالمىسا، بۇ قوشۇۋېلىش ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلىش ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن؛ مەخپىي دىپلوماتىيىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەشەببۇس قىلىنىپ، روسىيە پومېشچىك، بۇرژۇئا ھۆكۈمىتى 1917-يىل فېۋرالدىن ئۆكتەبرگىچە ئىمزالىغان بارلىق مەخپىي شەرتنامىلەرنىڭ شەرتسىز بىكار قىلىنغانلىقى جاكارلانغان. ئۇ سوۋېت دۆلىتى تۇنجى تاشقى سىياسىتىنىڭ پروگرامما خاراكتېرلىك ھۈججىتى ھېسابلىنىدۇ.

تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش

  • تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش[يەشمىسى:] سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتىكى سىياسىي ئىدىيىسى. لېنىن ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ، جاھانگىرلارنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسى ئۈستىدىن غەلىبە قازانغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزمى پرىنسىپىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا، ئىجتىمائىي تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن تىنچ بىللە تۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى تاشقى سىياسەت بولۇپ، جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ۋە ئۇرۇش سىياسىتىگە قارىتىلغان. 1954-يىلى جۇڭگو ھۆكۈمىتى تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پرىنسىپىنى تەشەببۇس قىلغان.

تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پرىنسىپى

  • تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پرىنسىپى[يەشمىسى:] قىسقارتىلىپ «بەش پرىنسىپ» دەپ ئاتىلىدۇ. 1954-يىلى 4-ئايدىكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو شىزاڭ رايونى بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا سودا ئالاقىسى قىلىش ۋە قاتناش توغرىسىدىكى كېلىشىمى» دە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇ يىلى 6-ئايدا، جۇڭگو-ھىندىستان، جۇڭگو-بىرما زۇڭلىلىرى سۆھبىتىنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا بەش پرىنسىپنى خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ يېتەكچى پرىنسىپى قىلىش تەكىتلەنگەن. كونكرېت مەزمۇنى مۇنداق: ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش؛ ئۆزئارا دەخلى-تەرۇز قىلماسلىق؛ ئۆزئارا ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق؛ باراۋەرلىك ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش. بەش پرىنسىپ دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئاساسىي پرىنسىپقا ئايلانغان.

تىنچ ئوكيان خارتىيىسى

  • تىنچ ئوكيان خارتىيىسى[يەشمىسى:] 1954-يىل 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئاۋسترالىيە، فىلىپپىن، تايلاند، يېڭى زېلاندىيە، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا ئىمزالىغان. خارتىيىدە: شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر بارلىق دۆلەتلەرنىڭ «ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشى ۋە مۇستەقىللىكىنى» ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. «ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھەم مەدەنىيەت جەھەتلەردە ھەمكارلىشىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكى «ئەڭ يۇقىرى تۇرمۇش سەۋىيىسىنى»، «ئىقتىسادنىڭ ئىلگىرىلىشىنى» ۋە «جەمئىيەت پاراۋانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە مەزكۇر رايوننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ياكى زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى مۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق توسىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدۇ، دەپ جاكارلانغان.

تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى

  • تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى[يەشمىسى:]1) 4881 - 9781-يىللاردىكى چىلىنىڭ بولىۋىيە بىلەن پېرۇنىڭ تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىدىكى سېلىترا چىقىدىغان رايونلىرىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. چىلى 1879-يىلى 2-ئايدا، ئەنگلىيىنىڭ قوللىشى بىلەن بولىۋىيىدىكى چىلى-ئەنگلىيە شېرىكلىشىپ باشقۇرغان چىلى سېلىترا شېركىتىنىڭ مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىدى دېگەننى باھانە قىلىپ، ئەسكەر چىقىرىپ بولىۋىيىنىڭ ئاساسلىق سېلىترا چىقىدىغان مەركىزىي ئانتوفاگاستا (Antofogasta) نى بېسىۋېلىپ، چىلى-بولىۋىيىنىڭ تېخىمۇ چوڭ ھەربىي توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چىلى پېرۇنىڭ «ياراشتۇرۇشىنى» رەت قىلغاندىن كېيىن، 4-ئايدا مەخپىي ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى تۈزۈشكەن بولىۋىيە، پېرۇ ئىككى دۆلەتكە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. چىلى دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق جەڭلىرىدە كەينى-كەينىدىن غەلىبە قازىنىپ، تاراپاكا (Tarapaca) دىكى بىر جەڭدە بولىۋىيە قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ كەڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە 1881-يىلى 1-ئايدا لېما شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، پېرۇنى ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلغان ھەمدە 1883-يىلى «ئانكان شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، تاراپاكانى ئايرىۋالغان، تاكنا (Tacna) ۋە ئارىكا (Arica) نى ئون يىل ئىشغال قىلغان. كېيىن ئىككى ئۆلكىنىڭ تەۋەلىكىنى پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق قارار قىلغان. 1884-يىلى چىلى يەنە بولىۋىيىنى شەرتنامە ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، ئانتوفاگاستانى بۆلۈۋالغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا چىلى ئاتاكاما قۇملۇقىدىكى ئاساسلىق سېلىترا چىقىدىغان رايونلارغا ئېرىشكەن. بولىۋىيە دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىدىنلا ئايرىلىپ قالغان. پېرو بولسا ئاساسلىق سېلىترا چىقىدىغان رايونلىرىدىن مەھرۇم قالغان. تاكنا ۋە ئارىكانىڭ قايتۇرۇلۇش مەسىلىسى سۆرىلىپ، 1929-يىلىغا بارغاندىلا ئاندىن كېلىشىم تۈزۈپ ھەل قىلىنغان. تاكنا پېرۇغا قايتۇرۇلۇپ، ئارىكا چىلىغا بۆلۈپ بېرىلگەن. (2) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فاشىستلارغا قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدا ياپونىيىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. ياپونىيە ئامېرىكا-ئەنگلىيە-گوللاندىيە گۇرۇھىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى مەنپەئىتىنى سىقىپ چىقىرىش ۋە ئۇنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، 1941-يىل 12-ئاينىڭ 7-كۈنى پيورلخاربور پورتىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغان؛ ئىككىنچى كۈنى ئەنگلىيە، ئامېرىكا ياپونىيىگە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ئامېرىكىغا رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتلاپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دائىرىسى كېڭەيگەن. 1941-يىلنىڭ قىش پەسلىدىن كېيىنكى يىلى ياز پەسلىگىچە ياپون قوشۇنلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مالايا، سىنگاپور، بېرما، فىلىپپىن، ھىندۇنېزىيە، گۇئام ئارىلى، ۋاك ئارىلى، يېڭى گۋېنىيىنىڭ بىر قىسمى، ئالېئۇت تاقىم ئاراللىرى ھەم تىنچ ئوكياندىكى نۇرغۇنلىغان ئاراللارنى ئىشغال قىلغان. ياپونىيە قوشۇنلىرى ئىشغال قىلغان نۇرغۇن رايونلاردىكى خەلق ئاممىسى مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنى قانات يايدۇرغان. 1943-يىلى، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى ئەنگلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيىلەر تىنچ ئوكياندا چەكلىك قايتۇرما ھۇجۇمنى باشلاپ، ئاراللارنى تالىشىش جېڭى ئېلىپ بارغان. 1944-يىلى 10-ئايدا، ئامېرىكا قوشۇنلىرى يەرلىك پارتىزانلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن فىلىپپىندا قۇرۇقلۇققا چىقىشقا باشلاپ، 1945-يىلى 2-ئايدا ۋولكا نوتىزما ئاراللىرىدا قۇرۇقلۇققا چىققان، 4 ئايدا رىيۇكىيۇ تاقىم ئارىلىغا ھۇجۇم قىلغان ھەمدە ياپونىيىنىڭ ئۆز يېرىنى بومباردىمان قىلىشنى كۈچەيتكەن. جۇڭگونىڭ ياپونغا قارشى كۈرىشى ياپونىيىگە ئېغىر زەربە بەرگەن، 5-ئايدا گېرمانىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ياپونىيە پۈتۈنلەي يېتىم ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. 8-ئايدا ئامېرىكا ياپونىيىنىڭ خىروسىما، ناگاساكى شەھەرلىرىگە ئىككى ئاتوم بومبىسى تاشلىغان، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى قوراللىق كۈچلىرى ۋە سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا، ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى بولغان كانتون ئارمىيىسى تېزلىكتە يوقىتىلغان. 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلاپ، 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، تەسلىمنامە ئىمزالىنىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقان.

تىئودورⅡ

  • تىئودورⅡ[يەشمىسى:]Theodore Ⅱ، 8681 - 8181) ئېفىئوپىيە ئىمپېراتورى (8681 - 5581). غەربىي شىمالىي قىسىمدىكى كاۋارا (Kawara) دا بىر قەبىلە باشلىقى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى تانا كۆلىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىنى ئۆزىگە بازا قىلىپ، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. 1855-يىلى شۇئا پادىشاھلىقىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئوتتۇرا قىسىمدىكى ھەرقايسى بەگلىكلەرنى بويسۇندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئۆزىنى ئىمپېراتور دەپ ئاتاپ، يۈز يىللىق «شاھزادىلەر يېغىلىقى دەۋرى» گە خاتىمە بەرگەن. تەختتىكى مەزگىلىدە، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، باش ۋالىي قويۇپ، يەرلىك فېئودال كۈچلەرنى ئاجىزلاشتۇرغان؛ چېركاۋنىڭ مال-مۈلكىنى ئېلىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى چەكلىگەن؛ قوشۇننى رەتكە سېلىپ، كەسپىي ياللانما ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىققان؛ ياۋروپادىن قورال-ياراق سېتىۋېلىپ، ياۋروپالىقلارنى تېخنىكلىققا تەكلىپ قىلغان. مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ئىسلاھاتى ناھايىتى ئاز ئۈنۈم بەرگەن. 1868-يىلى 4-ئايدا ئەنگلىيىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى ئېفىئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. ئۇ ماگدالا (Magdala) ئەتراپىدىكى ئاروگې (Arogee) جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

تىئودوسⅠ

  • تىئودوسⅠ[يەشمىسى:]TheodosiusⅠ، تەخمىنەن 346-، 395-يىللىرى) قەدىمكى رىم ئىمپېراتورى (379-، 395-يىللىرى). يەنى «بۈيۈك ئىمپېراتور تېئودوس». ئىسپانىيىدە تۇغۇلغان. ياشلىق دەۋرىدە ئاتىسى (گېنېرال تېئودوس) قا ئەگىشىپ، برىتانىيە يۈرۈشىگە قاتناشقان. كېيىن مېسىيە (دۇناي دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ جەنۇبى) دىكى سارماتىئانلار (Sarmatianas) بىلەن بولغان ئۇرۇش (374-يىلى) قا قوماندانلىق قىلغان. ئىمپېراتور ۋالېنىس ئادرانوپول جېڭىدە ئۆلگەن (378-يىلى) دىن كېيىن ئىمپېراتور بولۇپ، ئىمپېرىيىنىڭ شەرقىي قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. شەرقىي رىم چېگرىسىغا بېسىپ كىرگەن. غەربىي گوتلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، سۈلھ تۈزگەن (382-يىلى). ئىككىنچى يىلى ماكسىم (Maximus) غەربىي قىسمىدا ئۆزىنى ئىمپېراتور دەپ جاكارلاپ، برىتانىيە، گاللىيە، ئىسپانىيىلەرنى ئىگىلىۋالغاندا، ئۇنىڭغا يول قويغان؛ ماكسىم يەنە بىر ئىمپېراتور ۋالىنتىنىئانⅡ(ValentinianusⅡ) غا قارشى چىقىپ، ئىتالىيىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ كىرگەندە (387-يىلى)، ئەسكەر چىقىرىپ جازا يۈرۈشى ئېلىپ بارغان. ماكسىم مەغلۇپ بولۇپ ئۆلگەن. ئارقىدىن مىلان ۋە رىمغا بېسىپ كىرگەن. تەختتىكى مەزگىلىدە ھەر قايسى جايلاردىكى خەلق قوزغىلىڭىنى قاتتىق باستۇرغان؛ غەيرىي دىنىي ئېتىقاتنى تەقىپ قىلىپ، غەيرىي دىنىي ئىبادەتخانىلارنى (ئىسكەندىرىيە شەھىرىدىكى سېراپىس ئىبادەتخانىسى قاتارلىق) بۇزۇپ تاشلىغان. 390-يىلى تىسالونىكا (Thessalonica، ماكېدونىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا)شەھىرىدە قوزغىلاڭ يۈز بەرگەندە، بىر ئوفىتسېر بىلەن بىر نەچچە ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەن، 7000 دەك پۇقرانى سېرك مەيدانىغا ھەيدەپ كېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشىگە بۇيرۇق چۈشۈرگەن؛ شۇڭا، مىلاننىڭ ئارخىئېپىسكوپى ست. ئامبروسېئۇسمۇ (St.Ambrosius) ئۇنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن، ھەمدە ئۇنى دىندىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن ئۇ ئاشكارا توۋا قىلغانلىقىدىن بۇ ئىش بېسىقىپ قالغان. 392-يىلى ئۇ خرىستىئان دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلىپ، بىدئەتچىلەرگە بولغان زىيانكەشلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. شۇ يىلى ۋالىنتىنىئانⅡ ئۆلۈپ، ئىمپېرىيە ئاساسەن قايتىدىن بىرلىككە كەلگەن، كونستانتىنوپول پايتەخت بولغان. ئۆلۈش ئالدىدا ئىمپېرىيىنى ئىككى ئوغلىغا — چوڭ ئوغلى ئاركادې (Arcadius) غا شەرقى قىسمىنى بۆلۈپ بەرگەن، ئىككىنچى ئوغلى ھونورىئۇ (Honorius) غا غەربىي قىسمىنى بۆلۈپ بەرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن رىم ئىمپېرىيىسى شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە بۆلۈنۈپ كەتكەن.

تېۇتون رىتسارلىرى پولكى

  • تېۇتون رىتسارلىرى پولكى[يەشمىسى:] ئەھلىسەلىپ قوشۇنلىرى شەرققە تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلدە، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغاقلىرىدىكى ئەھلىسەلىپ دۆلەتلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، 1198-يىلى پەلەستىندە قۇرۇلغان دىنىي خاراكتېرلىك فېئودال ھەربىي تەشكىلات. ئاساسەن گېرمانىيە رىتسارلىرىدىن تەركىب تاپقان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرى ياۋروپاغا قايتىپ كەتكەن. 1226-يىلى پولشا مازوۋىيە (Mazovia) كىنەزلىكىنىڭ كىنەزى — كونرادنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن پولشاغا بېرىپ، پرۇسسىيىلىكلەرگە ھۇجۇم قىلغان. 1237-يىلى بالتىق دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغاقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن شەمشەرلىك رىتسارلار پولكى بىلەن بىرلىشىپ تەسىر كۈچى كېڭەيگەن. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرى شەرقىي پرۇسسىيىنى ئىستېلا قىلىپ، رىتسارلار پولكى دۆلىتىنى بەرپا قىلغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ باشلىرى غەربىي پرۇسسىيىنىمۇ بېسىۋالغان. 1410-يىلى 7-ئايدا گرونۋالد جېڭى (تاننېنبېرگ جېڭى) دا، پولشا، لىتۋا، رۇس بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1466-يىلى يەنە پولشا تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، غەربىي پرۇسسىيىنى پولشا قايتۇرۇۋالغان. رىتسارلار پولكى پەقەت شەرقىي پرۇسسىيىنى ئىگىلەپ، پولشاغا ئەل بولغان. 1525-يىلى رىتسارلار پولكىنىڭ باشلىقى ئالبرېخىت شەرقىي پرۇسسىيىنى دەھرىي پرۇسسىيە كىنەزلىكىگە ئۆزگەرتىپ، رىتسارلار پولكى ئۆزىنىڭ ئورنىدىن تەدرىجىي مەھرۇم بولغان. 1809-يىلى تارقىتىۋېتىلگەن. 1834-يىلى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن.

تىيدىڭ مكدوففيې

  • تىيدىڭ مكدوففيې[يەشمىسى:] ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننىڭ «ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ۋە مۇستەقىل بولۇشى»غا رۇخسەت قىلىش قانۇنى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى تىيدىڭ (Tydings) بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مكدوففيې (Mc Duffie) ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1933-يىلى 10-ئايدا، فىلىپپىن كېڭەش پالاتاسى ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان «فىلىپپىن مۇستەقىللىك قانۇنى» (يەنى«خارې-خاۋېس-كوتتىڭ قانۇنى») نى رەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ باشقىدىن مۇستەقىللىك قانۇنى تۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان. 1934-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكا «فىلىپپىن مۇستەقىللىك قانۇنى» غا بىرئاز تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مۇشۇ قانۇننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنى روزۋېلت زۇڭتۇڭ ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلغان، 5-ئاينىڭ 1-كۈنى فىلىپپىن قانۇن چىقىرىش يىغىنى ماقۇللىغان، ئۇنىڭدا فىلىپپىندا «ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش» يولغا قويۇلىدىغانلىقى، ئون يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئۆز — ئۆزىنى ئىدارە قىلىش مەزگىلىدە پۈتۈن ھاكىمىيەت يەنىلا ئامېرىكىنىڭ قولىدا بولغان. ياندۇرقى يىلى 11-ئايدا فىلىپپىن ئاپتونوم ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. بۇ قانۇن ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. 

تيسسېن گۇرۇھى

  • تيسسېن گۇرۇھى[يەشمىسى:] ئىتتىپاق گېرمانىيىسىدىكى تيسسېن جەمەتىنى مەركەز قىلغان ئەڭ زور كۆمۈر-پولات مونوپول كاپىتال گۇرۇھى. ئۇنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ئاۋگۇست تيسسېن (August Thyssen،6291 - 2481). تيسسېن 1871-يىلى رۇردا پولات پروكاتلاش شىركىتىنى قۇرغان. بۇ شىركەت بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە ياۋروپادىكى ئەڭ زور كانچىلىق-مېتاللورگىيە بىرلەشمە كارخانىسى بولۇپ تەرەققىي قىلغان. 1926-يىلى ئۇنىڭ ئوغلى فرىتز تيسسېن (Fritz Thyssen، 1873 — 1951) بىرلەشمە پولات-تۆمۈر شىركىتىنى قۇرغان. بۇ شىركەت ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسىدا، پۈتۈن گېرمانىيىنىڭ قارا مېتال مېتاللورگىيە سانائىتىدىكى ئەڭ زور مونوپول گۇرۇھقا ئايلانغان. ئۇ فاشىستىك كۈچلەرنىڭ ئاساسىي قوللىغۇچىسى بولغان. بۇ گۇرۇھ 1933-يىلىدىن ئىلگىرى ناتسىستلار پارتىيىسىگە 3 مىليون ماركتىن ئارتۇق راسخوت بېرىپ، گىتلېرنىڭ تەختكە چىقىشىنى قوللىغان ھەمدە فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇسادىرە قىلىنغان، 1949-يىلى بىرلەشمە پولات-تۆمۈر شىركىتى «تارقاق» لاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاۋگۇست تيسسېن پولات-تۆمۈر شىركىتى تيسسېن جەمەتى تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېلىنىپ باشقۇرۇلغان، كېيىن ئەمەلىي كۈچى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلگەن. 60-يىللارنىڭ بېشىدا ئىتتىپاق گېرمانىيىسىدىكى ئەڭ زور كۆمۈر-پولات مونوپول تەشكىلاتىغا ئايلانغان. ئۇ يەنە كۆمۈر كان، كېمىسازلىق، ستانوك ياساش ۋە ھەربىي سانائەت قاتارلىق كەسىپلەر بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. 

تىيېرري

  • تىيېرري[يەشمىسى:]Jacques Nicolas Augustin Thierry، 6581 - 5971) فرانسىيىلىك تارىخشۇناس. 1813-يىلى پارىژ ئالىي سىفەن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ئىككىنچى يىلى سېن-سىموننىڭ كاتىپى بولغان، كېيىن سېن-سىمون بىلەن پىكىردە كېلىشەلمەي، 1817-يىلى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىنى ئۈزگەن، لېكىن ئۇنىڭ تارىخ قارىشى سېن-سىموننىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغان. ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە تارىخىنى بېرىلىپ تەتقىق قىلىپ، سىنىپىي كۈرەش قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۈچىنچى تەبىقە (دېھقانلار ۋە بۇرژۇئازىيە) نىڭ ئىمتىيازلىق تەبىقە(ئاقسۆڭەكلەر ۋە راھىبلار) غا قارشى تۇرۇشىدىن ئىبارەت سىنىپىي كۈرەشنىكۆرسەتكەن؛تارىختا بويسۇندۇرغۇچىلار ئىمتىيازلىق تەبىقە، بويسۇنغۇچىلار ئېزىلگۈچى تەبىقە بولغان، دەپ قارىغان. ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن، مونارخىيىلىك ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى تەشەببۇس قىلغان، ئورلېئان سۇلالىسىنى قوللىغان. 1848-يىلىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن، پرولېتارىيات بىلەن بۇرژۇئازىيە ئوتتۇرىسىدىكى سىنىپىي كۈرەشنى ئىنكار قىلغان ھەمدە تارىخ تەتقىقاتىدا دېھقانلار بىلەن پومېشچىكلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت قارىمۇ قارشىلىقىنى كېلىشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئۇ فرانسىيىدىكى رومانتىزملىق تارىخ ئىلمىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرى رومانتىزملىق پۇراق بىلەن تولغان، تارىخىي ۋەقەلەرنى بەدىئىي يوسۇندا بايان قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى: «نورماندىلارنىڭ ئەنگلىيىنى بويسۇندۇرۇش تارىخى»، «ئەنگلىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن تارىخى توغرىسىدا»، «تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ئون يىل»، «ئۈچىنچى تەبىقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ غەلىبىسى توغرىسىدا».

تياخۋاناكو

  • تياخۋاناكو[يەشمىسى:] (Tiahuanaco نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. قەدىمكى ئىندىئان تىلىدا «دۇنيانى ياراتقۇچى مەركەز» دېگەنلىك بولىدۇ. بولىۋىيىدىكى قەدىمكى زامان مەدەنىيىتىنىڭ خارابىسى. ئىندىئانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دىنىي ۋە مۇراسىم مەركىزى بولۇپ، تىتىكاكا (Titicaca) كۆلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 20 كىلومېتر كېلىدىغان 4000 مېتر ئېگىزلىككە جايلاشقان. مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ، تەخمىنەن Ⅹ ئەسىردىن كېيىن بارا-بارا خارابلاشقان. پۈتكۈل قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلىدىن تارتىپ تېمىنى قوپۇرۇپ زىننەتلەشكىچە ھاك لاي ئىشلىتىلمىگەن بولۇپ، نەچچە ئون توننا ئېغىرلىقتىكى يوغان تاشلار راۋرۇس ۋە تەكشى قويۇلۇپ، تاشلارنىڭ ئارىلىقى ھىم جىپسىلەشتۈرۈلۈپ، گىرەلەشتۈرۈپ ئىنتايىن پۇختا قوپۇرۇلغان. پىرامىدا قورۇق تېمىغا ئويۇلغان ئادەم شەكىللىك ئىلاھلارنىڭ تاش ھەيكەللىرى خۇددى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن چىققاندەك، نەپىس ئىشلىنىپ كامالەتكە يەتكەن. داڭلىق «قۇياش دەرۋازىسى» نىڭ كەڭلىكى 84.3 مېتر، ئېگىزلىكى 3 مېتر، قېلىنلىقى 5.0 مېتر بولۇپ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 10 توننا كېلىدىغان بىر يوغان تاشتىن ئويۇپ ياسالغان. ھەر يىلى يازلىق كۈن-تۈن توختىغان چاغدا، قۇياش دەل دەرۋازا كارىدورىنىڭ ئوتتۇرا ئوق سىزىقىنى بويلاپ يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ، بۇ ھال ئەينى زاماندىكىلەرنىڭ ئۈستۈن ئاسترونومىيە بىلىمىنى ئىگىلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

تيامپا

  • تيامپا[يەشمىسى:] «چامپا-پۇرا» غا قاراڭ.

تيېر

  • تيېر[يەشمىسى:]Louis Adolphe Thiers، 7781 - 7971) فرانسىيە زۇڭتۇڭى (3781 - 1781)، تارىخشۇناس. قانۇننى ئۆگەنگەن، كېيىن ئاخباراتچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1821-يىلدىن باشلاپ تارىخ يېزىشقا كىرىشكەن. 1830-يىلى 1-ئايدا، لاففىتتېنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆكتىچىلەر گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» نى تەسىس قىلىشقا قاتنىشىپ، ئورلېئان جەمەتى بوربون جەمەتىنىڭ ئورنىنى ئېلىشنى تەرغىپ قىلغان. ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىپ، مالىيە مۇئاۋىن ۋەزىرى (1830)، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى (2381، 6381 - 4381)، سودا ۋە جامائەت ئىشلىرى ۋەزىرى (4381 - 3381)، باش ۋەزىر، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (0481 - 6381) بولغان. ئەنئەنىچىلەر قوزغىلىڭى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. گىزون بىلەن قاتتىق قارشىلاشقان. 1848-يىلدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدا ئورلېئان خان جەمەتىگە ساداقەتلىك قىلغان. ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدە جۇمھۇرىيەتچىلىكنى ماختىغان. كاۋىنىياكنىڭ ئىيۇن قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشىنى قوللىغان. 1851-يىلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە قولغا ئېلىنغان، بىر مەھەل ئەنگلىيىگە قېچىپ بېرىۋالغان. 1852-يىلدىكى چوڭ كەچۈرۈمدىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ، تارىخ يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. 1863-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان، ناپولېئونⅢ نىڭ تاشقى سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان. 1870-يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن سىياسىي پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتناشقان.1871-يىل 2-ئاينىڭ 16-كۈنى مىللىي پارلامېنت تەرىپىدىن فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي مەمۇرىي باشلىقى قىلىپ سايلانغان. گېرمانىيە بىلەن «ۋېرسال دەسلەپكى سۈلھ شەرتنامىسى»نى تۈزۈپ، پارىژ كوممۇنىسىنى باستۇرغان. شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ، مۇتەئەسسىپ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن مونارخىستلارنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئۇنىڭ «فرانسىيە ئىنقىلابى تارىخى»، «ھۆكۈمەت ۋە ئىمپېرىيە تارىخى»، «ئەسلىمە» دېگەن ئەسەرلىرى بار.

تاكاماتسۇ قەدىمىي قەبرىسى

  • تاكاماتسۇ قەدىمىي قەبرىسى[يەشمىسى:] ياپونىيىدىكى ئاسۇكا دەۋرىدىكى قەدىمىي قەبرە. ياپونىيىنىڭ نارا ناھىيىسى تاكايچى ئاسۇكا كەنتىدە. 1972-يىلى 3-ئايدا قېزىلغان. قەبرە دۈگىلەك شەكىلدە بولۇپ، تېگىنىڭ دىئامېترى تەخمىنەن 18 مېتر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 5 مېتر كېلىدۇ. تاش تاۋۇت قەبرىنىڭ ئوتتۇرىغا توغرىسىغا قويۇلۇپ، گرانت تاش بىلەن قوپۇرۇلغان. قەبرىنىڭ تۈڭلۈكى ۋە ئىككى يېنىدىكى تاش تامغا نېپىز بىر قەۋەت ھاك بېرىلىپ، ئۈستىگە سۈرەت سىزىلغان، بۇ خېلى ئوبدان ساقلانغان. تۈڭلۈك رەسىملىرىدىن يۇلتۇزلارنىڭ سۈرىتى بار. شەرق-غەربتىكى ئىككى تامغا ئاي-كۈننىڭ سۈرىتى سىزىلغان. تۆت تەرەپتىكى تامنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا تۆت ئىلاھنىڭ سۈرىتى سىزىلغان. شەرق، غەربتىكى تامغا ئەر-ئاياللارنىڭ سۈرىتى سىزىلغان، ئۇلار رەڭگارەڭ ھەم نەپىس ئىشلەنگەن، بۇ ياپونىيە بويىچە تۇنجى قېتىم تېپىلغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيە ئارخېئولوگىيىسى جەھەتتىكى ئەڭ مۇھىم كەشپىياتلارنىڭ بىرى دەپ قارالغان. بىللە كۆمۈلگەن نەرسىلەر ئىچىدە دېڭىز يىرتقۇچلىرى، ئۈزۈمچە ئەينىكى، ئەينەك مۇنچاق قاتارلىقلار بار. قويۇلغان جەسەت ئەر، كىملىكى نامەلۇم. ۋاقتى مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياكى Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ.