ئۈ🔗

ئۈ

ئۈچ ئارمىيە مەھكىمىسى

ئۈچ ئەۋلاد بىر كىشىلىك قانۇنى

ئۈچ بەگلىك ھەققىدە تارىخىي خاتىرىلەر

ئۈچ بەگلىك ھەققىدە خاتىرە

ئۈچ بۇرجەك سودا

ئۈچ بيېچاۋ قوشۇن

ئۈچ پادىشاھلىق ئىتتىپاق

ئۈچ پادىشاھنىڭ ئۇرۇشى

ئۈچ پادىشاھ ئۇرۇشى

ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشى

ئۈچ دۆلەت ئانتانتىسى

ئۈچ رەڭلىك بايراق

ئۈچ سىياسەت

ئۈچ شەھەر

ئۈچ قەۋەتلىك كېمە

ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقى

ئۈچ كورىيە

ئۈچ كىتابنى ئوقۇپ نام ئېلىش

ئۈچ ماھىرغا ئاتاپ يىغىۋېلىنىدىغان ئاشلىق

ئۈچ نوم

ئۈچىدا ريوخېي

ئۈچىداگىنزو

ئۈچىنچى تەبىقە

ئۈچىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى

ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال

ئۈزۈم پىشىقى ئېيىنىڭ 13-كۈنىدىكى ۋەقە

ئۈلۈشلۈك يەر قانۇنى

ئىزاھى

ئۈچ ئارمىيە مەھكىمىسى

  • ئۈچ ئارمىيە مەھكىمىسى[يەشمىسى:]چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسىدىكى ئالىي ھەربىي مەمۇرىي ئورگان. كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى دۆلەت ئارمىيىسىنى باشقۇرىدىغان ئۈچ ئارمىيىنى باشقۇرۇش باش مەھكىمىدىن كېلىپ چىققان. بىراق بيۇروكرات چوڭ پومېشچىكلارنىڭ يەنىلا شەخسىي ئەسكەرلىرى بولغان. لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش ئاساسىدىكى ھۆكۈمرانلىق كۈچەيتىلگەن. 1393-يىلى (تەيزۇ ئىككىنچى يىلى) ھەربىي تۈزۈم ئىسلاھ قىلىنىپ، يىشىڭ ئۈچ ئارمىيە مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، دۆلەت ئارمىيىسى ۋە شەخسىي ئەسكەرلەرنى باشقۇرغان، 1400-يىلى (دىڭزۇڭ 2-يىلى) ئەمەلدار تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىپ، مەركىزىي مەھكىمە ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن، ھەربىي ئىشلار بىلەن مەمۇرىيەتنى ئايرىش يولغا قويۇلغان ھەمدە شەخسىي ئەسكەر بىكار قىلىنغان. ئۈچ ئارمىيە مەھكىمىسى ئۈچ ئارمىيىنى باشقۇرىدىغان ئەڭ ئالىي ھەربىي مەمۇرىي ئورگان بولۇپ تەسىسلەنگەن. 1401-يىلى (تەيزۇڭنىڭ 1-يىلى) ئۈچ ئارمىيە مەھكىمىسى يەنە زوراغالىق مەھكىمىسىگە قوشۇۋېتىلگەن.1405-يىلى لەشكەر مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە قاراشقا ئۆزگەرتىلگەن، 1409-يىلى (تەيزۇڭنىڭ 9-يىلى) ئۈچ ئارمىيە باسقاقبەگ مەھكىمىسى قۇرۇلغان، ئۇ لەشكەر مەھكىمىسى چۈشۈرۈپ بەرگەن ھەربىي بۇيرۇقلارنى باشقۇرغان.

ئۈچ ئەۋلاد بىر كىشىلىك قانۇنى

  • ئۈچ ئەۋلاد بىر كىشىلىك قانۇنى[يەشمىسى:]ياپونىيە نارا دەۋرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە يولغا قويۇلغان بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمى. مادارادا يەر كېسىپ بېرىش قانۇنىنى قوغداش ئۈچۈن مىلادى 723-يىلى (ياڭلاۋ 7-يىلى) بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان. بۇ قانۇندا بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر يېڭىدىن ئېرىق چېپىپ، كۆل ياساپ بەرپا قىلغان يەرلەرنى ئوغلىغا، نەۋرىسىگە، چەۋرىسىگە قالدۇرۇشقا يول قويۇلىدۇ؛ ئەسلىدىكى ئېرىق، كۆلدىن پايدىلىنىپ يەر ئاچقۇچىلارنىڭ يېرى پەقەت ئۆزىنىڭ تېرىشىغا يول قويۇلۇپ، كېيىن جامائەت يېرى قاتارىدا قايتۇرۇۋېلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. يەر ئومۇمنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان چاغدا، يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر يەرنى ئاق تاشلىغاچقا ئۈنۈمى چوڭ بولمىغان، يەرنى شەخسىي مۈلۈك قىلىۋېلىش ئىشىمۇ شۇنىڭ بىلەن كېڭەيگەن.

ئۈچ بەگلىك ھەققىدە تارىخىي خاتىرىلەر

  • ئۈچ بەگلىك ھەققىدە تارىخىي خاتىرىلەر[يەشمىسى:]كىتاب ئىسمى، چاۋشيەننىڭ ئەڭ قەدىمكى تارىخنامىسى. 1145-يىلى (كورىيە رىنزۇڭ 23-يىلى)، چىن فۇشى قاتارلىقلار كونا «ئۈچ بەگلىكنىڭ تارىخى» ۋە «دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى ئۈچ بەگلىكنىڭ تارىخى» (بۇ ئىككى ئەسەر يوقىلىپ كەتكەن) غا ۋە جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدىكى ئالاقىدار خاتىرىلەرگە ئاساسەن يېزىپ چىققان. بۇ كىتاب تەزكىرە تەرىقىسىدە خەنزۇچە يېزىلغان بولۇپ، جەمئىي 50 جىلد. ئۇنىڭدا سىللا، كورىيە، پېكچىدىن ئىبارەت ئۈچ بەگلىكنىڭ تارىخى ۋە سىللانىڭ چاۋشيەننى بىرلىككە كەلتۈرگەنلىك تارىخى خاتىرىلەنگەن. سىللا ھەققىدىكى خاتىرە 12 جىلد، كورىيە ھەققىدىكى خاتىرە 10 جىلد، پېكچى ھەققىدىكى خاتىرە ئالتە جىلد، يىلنامە ئۈچ جىلد، خاتىرىلەر توققۇز جىلد، تەرجىمىھال 10 جىلد، بۇ كىتاب مۇھىم قىممەتكە ئىگە.

ئۈچ بەگلىك ھەققىدە خاتىرە

  • ئۈچ بەگلىك ھەققىدە خاتىرە[يەشمىسى:]كىتاب ئىسمى. چاۋشيەننىڭ سىللا، پېكچى، كورىيىدىن ئىبارەت ئۈچ بەگلىكنىڭ ئىش-ئىزلىرى توپلانغان كىتاب، كۇرىيىلىك راھىب يى رەن (1206 — 1289) چىڭشاڭ ئۆلكىسىنىڭ جاجى تېغىدىكى لىڭجياۋ ئىبادەتخانىسىدا خەنزۇچە يېزىپ چىققان. جەمئىي بەش جىلد بولۇپ، خاندانلىقنىڭ تارىخى، ياتلار خاتىرىسى، قانۇننىگۈللەندۈرۈش،مۇنار-بۇت، تەپسىر، ئىلاھىي ئەپسۇن، ھېسسىيات، پەرھىز، ۋاپادارلىق-ياخشىلىق قاتارلىق توققۇز پارچىغا بۆلۈنگەن. كىتابتا بۇددا دىنىغا دائىر ئىشلار كۆپرەك تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، نۇرغۇن مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللارمۇ كىرگۈزۈلگەن.

ئۈچ بۇرجەك سودا

  • ئۈچ بۇرجەك سودا[يەشمىسى:]ⅩⅧئەسىردە ئەنگلىيىنىڭ قۇل سودىسىنى مەركەز قىلغان قىتئەلەر ئارا سودىسى. دېڭىز كېمىلىرى بىلەن ئەنگلىيىنىڭ لىۋېرپول، برىستول، لوندون قاتارلىق شەھەرلىرىدىن ئافرىقىغا توشۇلغان پاختا-كەندىر توقۇلمىلىرى، ئەينەك، فارفور ۋە ساپال قاچىلار، ھەر خىل زىننەت بۇيۇملىرى، ئارچا مېغىزى ھارىقى، تاماكا، قورال-ياراق،ئوق-دورىلار ۋە مىس-قەلەي قاچىلار قاتارلىق نەرسىلەرنى قاچىلاپ، ئافرىقىغا ئېلىپ بېرىپ نىگېر قۇللارغا ئالماشتۇراتتى ھەمدە نىگېر قۇللارنى كېمە بىلەن غەربىي ھىندىستان ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا مۇستەملىكىلىرىدىكى تېرىقچىلىق مەيدانلىرىغا ئېلىپ بېرىپ، دېھقانچىلىق مەيدان ئىگىلىرىگە سېتىپ، ئاندىن مۇستەملىكىلەردىن شېكەر، تاماكا، پاختا قاتارلىق نەرسىلەر سېتىۋېلىپ ئەنگلىيىگە ئېلىپ بېرىپ خام ئەشيا ئورنىدا زاۋۇت ئىگىلىرىگە سېتىپ بېرەتتى. 1713-يىلىدىكى «ئۇترېچ سۈلھ شەرتنامىسى» ئەنگلىيىنى قۇل ئېلىپ-سېتىشىنى مونوپول قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيىنىڭ قۇل سودىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن كۆلەمدە ئەۋج ئېلىپ كەتكەنىدى. ئۈچ بۇرجەكلىك سودا ئەينى ۋاقىتتا ئەنگلىيىنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىدا ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىغانىدى.

ئۈچ بيېچاۋ قوشۇن

  • ئۈچ بيېچاۋ قوشۇن[يەشمىسى:] «بيېچاۋ قوشۇنى»غا قاراڭ.

ئۈچ پادىشاھلىق ئىتتىپاق

  • ئۈچ پادىشاھلىق ئىتتىپاق[يەشمىسى:]پرۇسسىيە ئىتتىپاقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پرۇسسىيە گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قۇرغان كورۇللۇق ئىتتىپاق. 1849-يىلى 5-ئايدا، پرۇسسىيە كورۇلى فرېدرىخ ۋېلھېلم Ⅳ ئاۋسترىيە، باۋارىيە، ساكسونىيە ۋە ھاننوۋېرنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ بېرلىندا يىغىن ئېچىپ، ئىتتىپاق گېرمانىيىنى قايتىدىن قۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئاۋسترىيە بىلەن باۋارىيىنىڭ ۋەكىللىرى نارازى بولۇپ، يىغىندىن چىقىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن پرۇسسىيە ساكسونىيە ۋە ھاننوۋېر بىلەن ئۈچ پادىشاھلىق ئىتتىپاقى شەرتنامىسىنى تۈزۈپ، گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، گېرمانىيىنىڭ 28 ئوتتۇرا ۋە كىچىك شتاتىمۇ قاتناشقان.1850-يىلى 3-ئايدا پرۇسسىيىنىڭ پىلانلىشى ئارقىسىدا، ئىرفۇرتتا ئىتتىپاقنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى چاقىرىپ، كونا ئىتتىپاق گېرمانىيىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىمەكچى بولغان. 5-ئايدا، ئاۋسترىيىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى ۋە قارشى تۇرۇشى ئاستىدا، ساكسونىيە، ھاننوۋېر قاتارلىق شتاتلار كەينى-كەينىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن. ئىتتىپاق شۇنىڭ بىلەن پارچىلانغان.

ئۈچ پادىشاھنىڭ ئۇرۇشى

  • ئۈچ پادىشاھنىڭ ئۇرۇشى[يەشمىسى:]يەنى «ئوسترلىتسى ئۇرۇشى».

ئۈچ پادىشاھ ئۇرۇشى

  • ئۈچ پادىشاھ ئۇرۇشى[يەشمىسى:]ماكخازىن دەرياسى ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ماراكەشنىڭ پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇشقا پورتۇگالىيە كورۇلى، ماراكەش پادىشاھى ۋە ماراكەشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان پادىشاھى قاتناشقانلىقتىن ئۈچ پادىشاھ ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان. 1451-يىلدىن باشلاپ پورتۇگالىيە كەينى-كەينىدىن ماراكەشنىڭ تانگئېر، ئاگادىر قاتارلىق جايلىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرى، سائادې سۇلالىسى «غازات» قىلىپ، پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ، ئاگادىر، سافى (Safi) ۋە ئازېممۇر (Azemmour) قاتارلىق جايلارنى قايتۇرۇۋالغان. 1578-يىلى پورتۇگالىيە كورۇلى سېباستىئاۋ ( Sebastiao، 1554 — 1578) 20 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ ئارزىلا (Arzila) دا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ماراكەشنى بويسۇندۇرماقچى بولغان، سائادې سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان كورۇلى مۇھەممەد مۇتاۋاككىل (Mohammed el Motawakki) ئارمىيىنى باشلاپ ئۇنىڭغا بېقىنغان. ماراكەش پادىشاھى ئابدۇلمەلىك (Abdel Malik) قوشۇنىنى باشلاپ ئارقىغا چېكىنىپ، دەم ئېلىپ كۈچ توپلىغان. پورتۇگالىيە قوشۇنى ماكخازىن (el Makhazin) دەرياسىغىچە ئىلگىرىلەپ كەلگەندە مەلىك 50 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ جەڭگە ئاتلانغان، پورتۇگالىيە مەغلۇپ بولغان، سېباستىئان بىلەن مۇتاۋاككىل تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن. مەلىك كېسەل بىلەن ئۆلگەن، بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشتا ماراكەش مىللىي مۇستەقىللىكى قوغداپ قېلىنغان.

ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشى

  • ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشى[يەشمىسى:]1) فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى تەبىقە ۋەكىللىرى كېڭىشى. بۇنى پادىشاھ چاقىراتتى. راھىبلار، ئاقسۆڭەكلەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ تەبىقىدىكىلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشاتتى، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا يىغىن ئۆتكۈزەتتى. ئادەتتە دۆلەت قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان چاغدا ياردەم تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن كورۇل تەرىپىدىن چاقىرىلاتتى. 1302-يىلى، فرانسىيە كورۇلى فېلىپ Ⅳ بىلەن پاپا بونىفاكيۇس ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكتىن تۇنجى قېتىم يىغىن چاقىرىلغان. كېيىن فرانسىيە كورۇلى باجنى كۆپەيتىش ياكى نەق پۇل ئېلىش ئۈچۈن پات-پات چاقىرىپ تۇرغان. 1614-يىلدىن تارتىپ لۇئى ⅩⅥ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلگىچە فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنىڭ كۈچەيگەنلىكىدىن، ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشى ئارىلىقتا 175 يىل ئۈزۈلۈپ قالغان. 1789-يىلى فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىدا، لۇئى ⅩⅥ مالىيىدىكى كرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مالىيە باش تەپتىشى نېسكېرنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن، 1789-يىلى 5-ئايدا ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشى چاقىرىلىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا ھەمدە ئۈچىنچى تەبىقىدىكىلەرگە ئىككى ئىمتىيازلىق تەبىقىدىكىلەر ۋەكىللىرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش سان بېرىشكە ماقۇل بولۇشقا مەجبۇر بولغان. 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشى ۋېرسالدا ئېچىلغان. ئۈچىنچى تەبىقە ۋەكىللىرى تەبىقە ئايرىشنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئادەم سانى بويىچە ئاۋاز بېرىش، ئۈچ تەبىقىدىكىلەر بىرلىكتە يىغىن ئۆتكۈزۈش، ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى بىرلىكتە تەكشۈرۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەكلىپ رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش 6-ئاينىڭ 12-كۈنى يەنە ئايرىم ئېلىپ بېرىلغان. 6-ئاينىڭ 17-كۈنى، سىئېسنىڭ (Sieyes) تەشەببۇسىغا بىنائەن ئۆز ئالدىغا مىللىي كېڭەش تەشكىللەنگەن. كۈرەش ئارقىلىق، 7-ئاينىڭ 9-كۈنى يەنە قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن. 7-ئاينىڭ 11-كۈنى كورۇل نېسكېرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغان ھەمدە ئۈچىنچى تەبىقىدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن، مەخپىي ھالدا ئەسكەر يۆتكىگەن. 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، پارىژ خەلقى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشىنىڭ چاقىرىلىشى ئىنقىلابنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىغان. (2) نىدېرلاندىيە تەبىقىلىك ۋەكالەت ئاپپاراتى. بۇ ئاپپاراتقا مىسسىئونېر، ئاقسۆڭەكلەر ۋە يۇقىرى تەبىقە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. 1463-يىلى نىدېرلاندىيىگە قوشۇمچە رەھبەرلىك قىلىدىغان بۇرگۇندىيىلىك كىنەز فېلىپ (ياخشى ئادەم) تۇنجى قېتىم چاقىرغان، ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ھۆكۈمەتنىڭ باج كىرىمىنى تەكشۈرۈش ۋە بۇ ئىشنى ئاۋازغا قويۇشتىن ئىبارەت ئىدى. ⅩⅥ ئەسىردە، نىدېرلاندىيە بۇرژۇئازلىرى ۋە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش مۇنبىرى بولۇپ قالغان نىدېرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى شىمالدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، بىرلەشمە ئۆلكىلەر جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى بولۇپ قالغان ھەربىر ئۆلكە بىر ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. 1795-يىلى بىكار قىلىنغان، 1814-يىلى پارلامېنت ئۇنىڭ ئورنىنى ئالغان.

ئۈچ دۆلەت ئانتانتىسى

  • ئۈچ دۆلەت ئانتانتىسى[يەشمىسى:]يەنى «ئانتانتا 协约国»غا قاراڭ.

ئۈچ رەڭلىك بايراق

  • ئۈچ رەڭلىك بايراق[يەشمىسى:] فرانسىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى. 1789-يىل 7-ئاينىڭ 17-كۈنى لافايېتتېنىڭ تەكلىپى بىلەن، پارىژ مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسى كۆك، ئاق، قىزىلدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭلىك كاكارنى ئىشلەتكەن، ئاق رەڭ بوربون سۇلالىسىنىڭ گېربى ئاق پىيازگۈلگە ۋەكىللىك قىلاتتى، كۆك بىلەن قىزىل پارىژ شەھەر گېربىنىڭ رەڭگىگە ۋەكىللىك قىلاتتى.ئۇزاق ئۆتمەي، كورۇل لۇئى ⅩⅥ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا ئۈچ خىل رەڭلىك كاكارنى قوبۇل قىلغان. 1790-يىل 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى مىرابوئا ئۇنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن پەرمان چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ كېمىلىرىدە ئۈچ خىل رەڭلىك بايراقنى چىقىرىپ، ئىلگىرىكى بايراق سېپىدىكى ئاق زىننەت لېنتىسىنىڭ ئورنىغا ئۈچ رەڭلىك زىننەت لېنتىسىنى ئىشلىتىشنى بەلگىلىگەن. مىللىي كېڭەش دەۋرىدە ئۈچ رەڭلىك بايراق رەسمىي ئىشلىتىلگەن. قايتا تىرىلدۈرگۈچى خاندانلىق ئۈچ رەڭلىك بايراقنىڭ ئورنىغا ئاق رەڭلىك بايراقنى قايتىدىن ئىشلەتكەن. ئىيۇل خاندانلىقى مەزگىلىدە ئۈچ رەڭلىك بايراق يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، تا بۈگۈنگىچە ئىشلىتىلىپ كېلىنمەكتە.

ئۈچ سىياسەت

  • ئۈچ سىياسەت[يەشمىسى:]لى سۇلالىسىدە چاۋشيەندە يولغا قويۇلغان دېھقانچىلىق سىياسىتى، ھەربىي سىياسىتى ۋە قايتۇرۇش سىياسىتى تۈزۈمى. دېھقانچىلىق سىياسىتى ئېتىز بېجى ئېلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ، ھەربىي سىياسىتى ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن رەخت يىغىۋېلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قايتۇرۇش سىياسىتى دېھقانلاردىن يۇقىرى ئۆسۈم ئېلىش ئۈچۈن دېھقانلارغا مايسا پۇلى بېرىپ تۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئۈچ شەھەر

  • ئۈچ شەھەر[يەشمىسى:]ياپونىيە ئېدو دەۋرىدىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۈچ شەھەر، يەنى ئېدو، كىيوتو ۋە ئوساكا. ئېدو (ھازىرقى پايتەخت توكيو) توكوگاۋا شوگناتىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىياسىي مەركىزى ئىدى. ئۇنىڭ ئاھالىسى 1 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، شۇ چاغدىكى دۇنيا بويىچە چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. كىيوتو قەدىمكى زاماندا تىنچ كىيوتو دەپ ئاتىلاتتى، مىلادى 794 — 1869-يىلى ياپونىيىنىڭ پايتەختى ئىدى. ئۇنىڭ نوپۇسى 400 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىنىي، مەدەنىي مەركىزى ئىدى. ئوساكا قەدىمدە نەنبۇ دەپ ئاتالغان. ئۇ سۇ قاتنىشىدىكى مۇھىم پورت، 350 مىڭ نوپۇسقا ئىگە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سودا-سانائەت مەركىزى بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى مۇشۇ جاي ئارقىلىق تۆكمە قىلىنىپ تارقىلاتتى. «پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاشخانىسى» دېگەن نام ئالغان.

ئۈچ قەۋەتلىك كېمە

  • ئۈچ قەۋەتلىك كېمە[يەشمىسى:](Triremes) قەدىمكى يۇناندىكى ئۇرۇش كېمىسىنىڭ ئاساسلىق تۈرى. ئۈچ قەۋەتنىڭ ھەممىسىگە پالاق ئورنىتىلغان (جەمئىي 150 تىن 170 كىچە پالاق بولاتتى)، شۇڭا «ئۈچ قاتار پالاقلىق كېمە» دەپمۇ ئاتالغان. كېمى-نىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 40 — 45 مېتر، كەڭلىكى ئالتە مېتر بولاتتى، گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشىدا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېزىمىدا)ئافىنادا تۇنجى قېتىم ياساپ چىقىلغان؛ كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغىنى سالامى دېڭىز ئۇرۇشىدىن (مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى) ئىلگىرى، تېمىستوكلېسنىڭ تەكلىپى بىلەن ئافىنا خەلق كېڭىشى ئۈچ قەۋەتلىك كېمىدىن 180 نى ياساپ چىققان. ئۈچ قەۋەتلىك كېمىنىڭ سۈرئىتى بىرقەدەر تېز، ھەرىكەتلىنىشىمۇ جانلىق ئىدى. پېرسىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئەنە شۇ. كارفاگېنلىقلارمۇ بىر خىل ئۈچ قەۋەتلىك كېمە ئىشلەتكەن ھەمدە بىرىنچى قېتىملىق پوئىن ئۇرۇشىدا (مىلاىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا) ئۇنى رىمغا ئېلىپ كىرگەن.

ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقى

  • ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] (Triumviratus) ئۈچ كاتتىباش سىياسىي ياكى ئۈچ نوچى سىياسىيسى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھوقۇقلۇق ۋە كۈچلۈك ئۈچ ئادەمدىن تەركىب تاپقان ئىككى قېتىملىق سىياسىي ئىتتىپاق. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىردە رىمدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىپ كېتىشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، دۆلەت ھوقۇقى بارا-بارا ئاز سانلىق گېنېراللارنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن. ئىككى قېتىمدىكى ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقى رىمنىڭ جۇمھۇرىيەتتىن ئىمپېرىيىگە ئۆتۈش مەزگىلىدىكى ھۆكۈمرانلىق شەكلى ئىدى. (1) ئالدىنقى ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقىنى مىلادىدىن 60 يىل ئىلگىرى كائېسار (Caesar) پومپېيۇس ۋە كراسسۇسلار مەخپىي تۈزگەن. ئىتتىپاقنىڭ قوللىشى بىلەن كائېسار مىلادىدىن 59 يىل ئىلگىرى ئارخون بولۇپ، پومپېيۇسنىڭ شەرقتە قوللانغان تەدبىرىنى تەستىقلىغان، پومپېيۇس بىلەن كراسسۇسقا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن، پومپېيۇسنىڭ قوشۇنىدىن چېكىنگەن كونا ئەسكەرلەرگە يەر تەقسىم قىلىپ بەرگەن ھەمدە باج ھۆددىگە ئالغۇچىنىڭ ئىجارە ھەققىنى تۆۋەنلىتىپ بەرگەن. مىلادىدىن 58 يىل ئىلگىرى كائېسار تاغنىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيىنىڭ (Gallia) باش ۋالىيسى بولۇپ، كۈچىنىڭ بارىچە پۈتۈن گاللىيىنى بويسۇندۇرۇش پىلانىنى يولغا قويغان. مىلادىدىن 56 يىل ئىلگىرى «ئۈچ كاتتىباش» ئوتتۇرىسىدىكى ئارازلىقنى يوقىتىش ئۈچۈن، شىمالىي ئېترۇرىيىدىكى رۇككادا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، كائېسار گاللىيىنىڭ باش ۋالىيلىقىنى يەنە بەش يىل ئۆتەيدىغان، پومپېيۇس بىلەن كراسسۇس مىلادىدىن 55 يىل ئىلگىرى ئارخونلۇقىنى ئۆتەيدىغان، مۇددىتى توشقاندىن كېيىن پومپېيۇس ئىسپانىيىنى، كراسسۇس سۈرىيىنى بەش يىل باشقۇرىدىغانغا كېلىشكەن. مىلادىدىن 53 يىل ئىلگىرى، كراسسۇس ئانىساك (پارتنيا Partnia) تىكى جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ ئۆلگەن. پومپېيۇس سېنات بىلەن كائېسارنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاشقا قەست قىلغان، مىلادىدىن 49 يىل ئىلگىرى ئىككى تەرەپ جەڭ قىلغان، كائېسار رىمنى ئىشغال قىلغان. مىلادىدىن 48 يىل ئىلگىرى پارسالۇس ئۇرۇشىدا پومپېيۇس مەغلۇپ بولۇپ مىسىرغا قېچىپ بارغاندا ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئالدىنقى ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقى ئاخىر پارچىلىنىپ كەتكەن. كەينىدىنلا كائېسار ھاكىممۇتلەقلىك ھۆكۈمرانلىقنى ئورناتقان. (2) كېيىنكى ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقىنى مىلادىدىن 43 يىل ئىلگىرى ئوكتاۋيۇس (Octrius) (كېيىن ئاۋگۇستۇس دەپ ئاتالغان)، ئانتونيۇس ۋە لېپىدۇس ئوچۇق-ئاشكارا تۈزۈشكەن. سېنات ۋە پۇقرالار كېڭىشى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، دۆلەتكە بەش يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەن. «ئۈچ كاتتىباش»، «ئورتاق دۈشمەن ئېلانى» نى يولغا قويۇپ، ياتلارنى چىقىرىۋەتكەن، يەنە بالقان يېرىم ئارىلىدا كائېسارنى ئۆلتۈرگەن. جۇمھۇرىيەتچىلەر (كېشىيۇ، برۇتۇس ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان) نى يېڭىپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىگەن. مىلادىدىن 40 يىل ئىلگىرى «ئۈچ كاتتىباش» تەسىر دائىرىسىنى مۇنداق بۆلگەن: ئانتونئۇس شەرقىي رايوننى ئىدارە قىلىدىغان، ئوكتاۋيۇس ئىتالىيە، گاللىيە ۋە ئىسپانىيىنى ئىدارە قىلىدىغان، لېپىدۇس ئافرىقىنى ئىدارە قىلىدىغان بولغان. مىلادىدىن 36 يىل ئىلگىرى لېپىدۇسنىڭ ھەربىي ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان. ئوكتاۋىئۇس بىلەن ئانتونئۇس ئاشكارا پۇت تېپىشىپ يۈرگەن. ئانتونئۇس مىسىردا ھاۋايى-ھەۋەسكە بېرىلىپ، ئۆزىنى پادىشاھ ھېسابلىغان. سېنات ئوكتاۋىئۇس بىلەن بىرلىشىپ، ئەسكەر تارتىپ جازا يۈرۈشى قىلغان. مىلادىدىن 31 يىل ئىلگىرى ئاكتىئۇم ئۇرۇشىدا ئانتونئۇس مەغلۇپ بولۇپ، مىسىرغا قېچىپ بېرىپ، ئىككىنچى يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقى ئاياغلاشقان. ئوكتاۋىئۇس دۆلەت باشلىقى سىياسىتىنى بەرپا قىلىپ، رىم ئىمپېرىيىسى رەسمىي ئورنىتىلغان.

ئۈچ كورىيە

  • ئۈچ كورىيە[يەشمىسى:] چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمكى ئاھالە ماخەن، چېن خەن، بيەن چېن (بيەن خەن) نىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. جەمەت مەنبەسى ئۈستىدە مۇقىم خۇلاسە چىقىرىلغىنى يوق، ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇلارنى شىمالىي ئىرققا كىرىدۇ دېگەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. دەسلەپتە «ئۈچ بەگلىك تەزكىرىسى. ۋېي تەزكىرىسى. ۋۇۋەن، سىيانپى، شەرق تايىپلىرى ھەققىدە قىسسە» دە قەيت قىلىنغان. مىلادى Ⅱ، Ⅲ ئەسىرلەردە، كورىيانلار تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئاساس قىلىپ، قەبىلىدە تۇزمۇش كەچۈرەتتى ماخەن غەربتە بولۇپ، 50 نەچچە بەگلىكى (قەبىلە) بار ئىدى. چېن خەن شەرقتە بولۇپ، 12 بەگلىكى بار ئىدى. بيەن چېن بىلەن چىن خەنلىكلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ 12 بەگلىكى بار ئىدى. ھەرقايسى قەبىلىلەرگە چېنجى، يىجيې، شيەنسې قاتارلىق باشلىقلار قوماندانلىق قىلاتتى. دەسلەپتە لېلاڭ، دەيفاڭ ۋىلايەتلىرىگە بېقىنغان. كېيىن ئىككى ۋىلايەتنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ كېتىپ، ماخەن شىمالغا قاراپ كېڭەيگەن. Ⅳ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دەيفاڭ ۋىلايىتىنىڭ زېمىنىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان، بوجى قەبىلىسى بىلەن بىللە باشقا قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈۋالغان ھەمدە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىن جەنۇبقا كۆچۈپ كەلگەن فۇيۇيلار بىلەن قوشۇلۇپ، پېكچى بەگلىكى بولۇپ شەكىللەنگەن، چېن خەننى سىللا قەبىلىسى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىللا بەگلىكى شەكىللەنگەن. بيەن-چېن قاتارلىق كىچىك بەگلىكلەر ئىتتىپاق تۈزۈپ جىنگۈەن جيايېنى ئىتتىپاق باشلىقى قىلغان.Ⅴ، Ⅵ ئەسىرلەردە ئۇلارنىڭ زېمىنى بارغانسېرى تارىيىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا پېكچى، سىللاغا قوشۇۋېتىلگەن.

ئۈچ كىتابنى ئوقۇپ نام ئېلىش

  • ئۈچ كىتابنى ئوقۇپ نام ئېلىش[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ سىللا دەۋرىدىكى ئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمى. سىللا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، مىلادى 682-يىلى (شېنۋېن ۋاڭنىڭ 2-يىلى) مەركەزدە خانلىق بىلىم يۇرتى تەسىس قىلغان. 744-يىلى (جىندې ۋاڭنىڭ 3-يىلى) كەسىپلەر بويىچە دوكتور، ئاسسېنت ئۇنۋانىنى تەسىس قىلىپ، 15 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان ئاقسۆڭەك بالىلىرىنى مەكتەپكە قوبۇل قىلىپ، كۇڭزىچىلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇتۇپ، ئەمەلدارلارنى يېتىشتۈرگەن، ئوقۇش ۋاقتى توققۇز يىل بولغان. 788-يىلى (يۈەنشېن ۋاڭنىڭ 4-يىلى) دىن باشلاپ ئۈچ كىتابنى ئوقۇپ نام ئېلىش تەسىس قىلىنىپ، كۇڭزىچىلار كىتابلىرى ۋە خەنزۇچىدىن ئىمتىھان ئېلىنغان شۇنداقلا «ئەمىنىيە، زوچيۇمىڭ تەپسىرى»، «يوسۇننامە»، «تاللانمىلار» نى ئوقۇغان ھەم ئۇنىڭ مەنىسىنى پىششىق بىلىدىغان شۇنداقلا «مۇھاكىمە ۋە بايان»، «ۋاپانامە» نى چۈشىنىدىغانلار ئەلا بولىدۇ؛ «ئىنچىكە رەسىم-قائىدىلەر»، «مۇھاكىمە ۋە بايان»، «ۋاپانامە» نى ئوقۇغانلار ئوتتۇرا ھاللار بولىدۇ؛ «ئىنچىكە رەسىم-قائىدىلەر»، «ۋاپانامە» نى ئوقۇغانلار ناچار بولىدۇ؛بەش دەستۇر،ئۈچ تارىخ،چىن-خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۈرلۈك ئېقىمدىكىلەرنىڭ كىتابلىرىنى پىششىق ئوقۇغانلار ئۆستۈرۈلۈپ ئىشقا قويۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

ئۈچ ماھىرغا ئاتاپ يىغىۋېلىنىدىغان ئاشلىق

  • ئۈچ ماھىرغا ئاتاپ يىغىۋېلىنىدىغان ئاشلىق[يەشمىسى:]چاۋشيەن لى سۇلالىسىدىكى يەر بېجىنىڭ بىرى. 1592-يىلى (شۈەنزۇ 25-يىلى)، ياپونىيىدىكى تويو تومى چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلغاندا، چاۋشيەن ھۆكۈمىتى مىڭ سۇلالىسىدىن ياردەم سورىغان ھەمدە تەلىم-تەربىيە نازارىتى تەسىس قىلغان. ئەسكەرلىككە تۇتۇلغانلارنى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەسكەرلىرىدىن ھەربىي تېخنىكا ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، مەرگەن، توپچى، قاتىللارنى يېتىشتۈرگەن، ئەسكەر يېتىشتۈرۈش خىراجىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، 1602-يىلى (شۈەنزۇ 35-يىلى)كيوڭشاڭ (Kyongsang)، چوللا(Cholla)، چۇڭچوڭ (CHongchong)، كاڭۋون(Kangwon)، خۇاڭخا(Hwanghae)، كيوڭگى (Kyongi) دىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ ھەربىر ھۈججەتكە ئىككى كۈرە، ئىككى شىڭ ئاشلىقنى قوشۇۋالغانلىقتىن، ئۈچ ماھىرغا ئاتاپ يىغىۋېلىنغان ئاشلىق دەپ ئاتالغان، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى بۇ پەۋقۇلئاددە باج كېيىنمۇ ئۇزاق مۇددەت ئېلىنغان، 1894-يىلى(گاۋزۇڭ31-يىلى) جياۋۇ يېڭىلاش مەزگىلىدىلا بىكار قىلىنغان.

ئۈچ نوم

  • ئۈچ نوم[يەشمىسى:]«تىرى پىتكا» (Tri Pitaka) ئەسلىدە ئۈچ ساندۇق ياكى ئۈچ سېۋەت دېگەن مەنىدە، بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. جۈملىدىن: (1) بۇددا نوم (سۇتراپىتاكا Sutrapitaka)، بۇددىنىڭ ساۋاقلىرى خاتىرىلەنگەن؛ (2) قانۇن نومى (ۋىناياپىتاكا Vinayapitaka)، مۇناسىۋەتلىك راھىبلارنىڭ ئەمرىمەرۇپلىرى ۋە بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى خاتىرىلەنگەن؛ (3) نوم نەزەرىيىسى، ئابخىدخارما پىتكا (Abhidhar Mariptaka) بۇددا دىنىنىڭ پەلسەپىۋى قائىدىلىرى توغرىسىدىكى ئىزاھلار خاتىرىلەنگەن. ئۈچ نومنىڭ ھەممىسى ماھايانا (ئۇلۇغ كۈلۈڭگۈ)، ھىناياناغا (كىچىك كۈلۈڭگۈ) گە ئايرىلغان. ئۈچ نومنى پىششىق بىلىدىغان راھىبلار ھۈرمەتلىنىپ، «ئۈچ ئاغلىق نوم ئۇستازى» دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شۈەنزاڭ «تاڭ دەۋرىدىكى ئۈچ ئاغلىق نوم ئۇستازى» دەپ ئاتالغان.

ئۈچىدا ريوخېي

  • ئۈچىدا ريوخېي[يەشمىسى:]1874 — 1937) ياپونىيە ئوڭقانات ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. گېن يوشا جەمئىيىتىنىڭ مۆتىۋىرى — ئۇچىدا ريوگورونىڭ ئوغلى. 1894-يىلى چاۋشيەنگە كېلىپ تاجاۋۇزچىلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1901-يىلى توياما مىستسۇرۇ قاتارلىقلار بىلەن قارا ئەجدىھا جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىققان. 1903-يىلى روسىيىگە قارشى يولداشلار ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىپ، روسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، چاۋشيەن باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھاۋالە قىلىشى بىلەن، چاۋشيەننى يۇتۇۋېلىشنى پىلانلاشقا تەيىنلەنگەن. مېيجىنىڭ كېيىنكى يىللىرىدىن باشلاپ ھۆكۈمەتنىڭ مەخپىي بۇيرۇقى بىلەن، جۇڭگوغا يوشۇرۇن كىرىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، «مانجۇرىيە-موڭغۇلىيە مەسىلىسى» نى ھەل قىلىشنى تەرغىپ قىلغان. 1925-يىلى كاتوكومىينى يوشۇرۇن ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، ئەمەلگە ئاشۇرالماي، تۈرمىگە تاشلانغان.1931-يىلى بۈيۈك ياپونىيە ئىشلەپچىقىرىش پارتىيىسىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ لېدىرى بولغان. 1934-يىلى شوۋا مۇقەددەس جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى بولغان. ئۆمۈربويى ئىنتايىن ئوڭ پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان.

ئۈچىداگىنزو

  • ئۈچىداگىنزو[يەشمىسى:]1872— 1919)ياپونىيىلىك ئىقتىسادىي تارىخشۇناس.1896-يىلى ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ياپون تارىخى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1899-يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى بولغان. 1902-يىلى ئەدەبىيات دوكتورى بولغان.1903-يىلى ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ئوقۇغان. 1906-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كىيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان. ھارا كاتسۇرو (1871— 1824)قاتارلىقلار بىلەن بىللە، مۇشۇ مەكتەپنىڭ تارىخ پەنلىرى كەسپىنى تەسىس قىلىشنى پىلانلىغان. 1918 — 1919-يىللىرى ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە تەكشۈرۈشكە بېرىپ، قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، كېسەل بىلەن قازا قىلغان. ياپونىيە يېقىنقى زامان ئىقتىسادىي تارىخشۇناسلىقىغا يول ئاچقۇچى ۋە ئاساس سالغۇچى دېگەن نامى بار. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ياپونىيە ئىقتىسادىي تارىخىي تەتقىقاتى»، «ياپونىيە ئىقتىسادىي تارىخىدىن ئومۇمىي مەلۇمات»، «ياپونىيە يېقىنقى زامان تارىخى»، «يېقىنقى زاماندىكى ياپونىيە» قاتارلىقلار بار. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن بەش توملۇق «ئۈچىدا گىنزو ئەسەرلىرى توپلىمى» نەشىر قىلىنغان.

ئۈچىنچى تەبىقە

  • ئۈچىنچى تەبىقە[يەشمىسى:]ئادەتتە ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىدىن بۇرۇنقى باج تۆلەش مەجبۇرىيىتى بولغان تەبىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەبىقە باج تۆلىمەيدىغان، فېئوداللىق ئىمتىيازغا ئىگە بىرىنچى تەبىقە (راھىبلار) ۋە ئىككىنچى تەبىقە (ئاقسۆڭەكلەر) بىلەن قارىمۇقارشى ئورۇندا تۇرغان. دەسلىپىدە شەھەردىكى سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىنى كۆرسىتەتتى؛ ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا دېھقانلار، قول سانائەتچىلەر، ئۇششاق سودىگەرلەر، شەھەر كەمبەغەللىرى ۋە بۇرژۇئازىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 95 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان بولغان. بۇ تەبىقىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى سىنىپ بولۇپ، دۆلەتنىڭ ھەر خىل باج-سېلىقلىرىنى ۋە فېئوداللىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆز زىممىسىگە ئالغانىدى. 1302-يىلى كورۇل فېلىپⅣ ئاچقان بىرىنچى قېتىملىق ئۈچ تەبىقە يىغىنىغا قاتناشتۇرۇلغان، ئەمما يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسى بايلار، يەنى كېيىنكى بۇرژۇئازىيە ئىدى. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىدا، بۇ تەبىقە فېئوداللىققا قارشى ئاساسىي كۈچكە ئايلانغان.

ئۈچىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى

  • ئۈچىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى[يەشمىسى:] تاۋار ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تەرەققىي قىلىشى ۋە سودىگەرلەر تەبىقىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن سىنىپىي جەمئىيەتكە ئۆتۈش مەزگىلىدە يۈز بەرگەن، ئۇ تاۋار ئىشلەپچىقىرىش، تاۋار ئالماشتۇرۇش ھەمدە پۇل مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سودىگەرلەر ئوخشاش بولمىغان ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ئارىسىدىكى، ئىشلەپ چىقارغۇچىلار بىلەن ئىستېمال قىلغۇچىلار ئارىسىدىكى ۋاسىتىچى بولۇش سۈپىتىدە، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىپ، ئارىدىن پايدا ئېلىپ زور بايلىق توپلىغان؛ ھەتتا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان. تاۋار ئالماشتۇرۇش بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان جايلاردا مېتال پۇل يەنى قۇيما پۇل ھەممىدىن ئاۋۋال بارلىققا كەلگەن، قۇيما پۇل ئەڭ قولاي تاۋار ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى ۋە بايلىق ساقلاش ۋاسىتىسى بىلەن تەمىن ئەتكەن، شۇنداقلا غەيرىي ئىشلەپچىقارغۇچىلار (سودىگەرلەر) نى ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنىڭ يېڭى ۋاسىتىسى بىلەن تەمىنلىگەن. پۇل بار بولغاندىن كېيىن، پۇل قەرز بېرىش، ئۆسۈم، يەر مۈلكىنى رەنىگە قويۇش ۋە ھەرخىل جازانىخورلۇق ئېكسپىلاتاتسىيىسى بارلىققا كەلگەن، ئاخىرىدا خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە سىنىپىي جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شەكىللىنىشىگە ئېلىپ بارغان. ئۈچىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى ئىككىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى (قول سانائەت بىلەن دېھقانچىلىقنىڭ ئىش تەقسىماتى) بىلەن بىللە، سودا-سانائەت مەركىزى بولغان قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال

  • ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال[يەشمىسى:] يەنى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال.قىسقارتىلىپ، كومىنتېرىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەرقايسى ئەللەر كوممۇنىستىك پارتىيىلىرى ۋە كوممۇنىزمچى تەشكىلاتلارنىڭ خەلقئارا بىرلەشمە تەشكىلاتى. ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 1-قۇرۇلتىيى 1919-يىلى 3-ئايدا، لېنىننىڭ رەھبەرلىكىدە موسكۋادا ئېچىلىپ، 30 دۆلەتنىڭ ئىشچىلار پارتىيىسى ۋە سولچىل تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. قۇرۇلتايدا «كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ خىتابنامىسى»، «كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ھەرىكەت پروگراممىسى» ۋە «بۇرژۇئازىيە دېموكراتىيىسى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى توغرىسىدىكى تېزىس» قاتارلىق ھۈججەتلەر ماقۇللىنىپ، ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. قۇرۇلتاي ئىنتېرناتسىئونالنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى — ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە ئىجرائىيە بيۇروسىنى سايلاپ چىققان. ئۇنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال رېۋىزىئونىزمىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل بەربات بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ۋەزىپىسى ماركسىزمنى تەشۋىق قىلىپ، ھەرقايسى ئەللەر ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جاھانگىرلىك ۋە كاپىتالىزمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇش، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى ئورنىتىش، ئېكسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىنى يوقىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت بولغان. ئۇنىڭ باش شتابى موسكۋادا قۇرۇلۇپ، ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقانلىكى كوممۇنىستىك پارتىيىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ياچېيكىسى بولغان. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ يەتتە قېتىم قۇرۇلتاي ئېچىلىپ، 70 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىلىرىگە رەھبەرلىك قىلغان. ماركسىزم-لېنىنىزمنى قوغداش، خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، فاشىزمغا ۋە جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە زور تۆھپە قوشقان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىچكى ئەھۋالىدا ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، ئەسلىدىكى تەشكىلىي شەكىلنىڭ كۈرەش ئېھتىياجىغا ماس كەلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن، ھەرقايسى ئەللەر كوممۇنىستىك پارتىيىلىرىنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى ئارقىسىدا، 1943-يىلى 6-ئايدا تارقىتىلغانلىقى جاكارلانغان.ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ھەر قېتىملىق قۇرۇلتىيى ئېچىلغان ۋاقىت (ھەممىسىنىڭ ئورنى موسكۋادا):بىرىنچى قۇرۇلتىيى: 1919-يىل 3-ئاينىڭ 2 — 6-كۈنلىرى.ئىككىنچى قۇرۇلتىيى:1920-يىل7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە.ئۈچىنچى قۇرۇلتىيى: 1921-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە.تۆتىنچى قۇرۇلتىيى: 1922-يىل 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە.بەشىنچى قۇرۇلتىيى: 1924-يىل 6-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە.ئالتىنچى قۇرۇلتىيى: 1928-يىل 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە.يەتتىنچى قۇرۇلتىيى: 1935-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە.

ئۈزۈم پىشىقى ئېيىنىڭ 13-كۈنىدىكى ۋەقە

  • ئۈزۈم پىشىقى ئېيىنىڭ 13-كۈنىدىكى ۋەقە[يەشمىسى:] فرانسىيىدە تومۇز ئايچىلار پارتىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، خانپەرەسلەر پارتىيىسىنىڭ پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆتۈرگەن ئىسيانى. جۇمھۇرىيەتنىڭ 4-يىلى ئۈزۈم ئېيىنىڭ 13-كۈنى (1795-يىل 10-ئاينىڭ 5-كۈنى) يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. خانپەرەسلەر پارتىيىسى 1795-يىلى 6-ئايدا چۇيبېروندىكى قۇرۇقلۇققا چىقىشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قاچقۇن ئاقسۆڭەك گراف پروۋانىس ئىتالىيىنىڭ ۋېرونا شەھىرىدە ئۆزىنى لۇئى ⅩⅧ دەپ ئاتاپ، ئىنقىلابقا قارشى خىتابنامە ئېلان قىلغان. تومۇز ئايچىلار پارتىيىسى خانپەرەسلەر پارتىيىسىنىڭ تەھدىتىنى يوقىتىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى قانۇن چىقىرىش ئورگىنى — سېنات ۋە 500 كىشىلىك كېڭەشتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، 1795-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن ماقۇللانغاندىن كېيىن، يەنە «مېۋە پىشىقى ئېيى پەرمانى» (يەنە «ئۈچتىن ئىككى قىسىم پەرمانى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مېۋە پىشىقى ئېيىنىڭ 5-كۈنى يەنى1795-يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ماقۇللانغان) نى چىقىرىپ، كەلگۈسى پارلامېت ئەزالىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى چوقۇم ھازىرقى مىللىي ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ ئىچىدىن سايلىنىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن خانپەرەسلەر پارتىيىسىنىڭ ئىككى پالاتا سايلىمى ئارقىلىق پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولۇش سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلغان. ئۈزۈم پىشىقى ئېيىنىڭ 13-كۈنى خانپەرەسلەر پارتىيىسىدىكىلەردىن 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، مىللىي ئۇيۇشمىغا ھۇجۇم قىلغان؛ ئەمما ناپولېئون قوماندانلىق قىلغان توپچى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن شۇئان باستۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن مىللىي ئۇيۇشما جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قوغدايدىغان بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قاچقۇن ئۇنسۇرلار ۋە ئۆكتىچى مىسسىئونېرلارنى باستۇرۇش قانۇنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن؛ تۇمانلىق ئاينىڭ 4-كۈنى يەنە ئومۇمىي كەچۈرۈم بۇيرۇقىنى چىقىرىپ، سولاقتىكى بىر تۈركۈم جۇمھۇرىيەتچىلەرنى قويۇپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن سىياسىي ۋەزىيەتنى ۋاقىتلىق مۇقىملاشتۇرغان.

ئۈلۈشلۈك يەر قانۇنى

  • ئۈلۈشلۈك يەر قانۇنى[يەشمىسى:]يەنى «ئۆي-يەر قانۇنى».