ئو🔗

ئو

ئوبرادوۋىچ

ئوبرېنوۋىچ سۇلالىسى

ئوبودرىتىلار

ئوبوروت

ئوبرۇچېۋ

ئوبنورسكىي

ئوپپېنھېلمېر

ئوپپېنھېيىم

ئوتتاۋا يىغىنى

ئوتتو (فرېسىڭلىق)

ئوتتوⅠ

ئوتتوⅡ

ئوتتوⅢ

ئوتتوⅣ

ئوتتوكارⅠ

ئوتتوكارⅡ

ئوتتو ئىمتىيازى

ئوتتۇرا ئافرىقا فېدېراتسىيىسى

ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى

ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى فېدېراتسىيىسى

ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ئورتاق بازىرى

ئوتتۇرا ئەسىر

ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرى

ئوتتۇرا دېڭىز كېلىشىمى

ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى

ئوت كرېست ئۆمىكى

ئوتوⅠ

ئوتوپىيە

ئوتوپىيە سوتسىيالىزمى

ئوتو لايىھىسى

ئوتومولار

ئوتتۇز توققۇز ئەقىدە

ئوتتۇز زالىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى

ئوتتۇز يىللىق ئۇرۇش

ئوججايىنى

ئوچۇق يەر تۈزۈمى

ئوخاياخى تاكىچى

ئوخشاش قىساس ئېلىش

ئوخىراما سايوشى

ئودازاكى كويې

ئودوئاك

ئودېر-نىسا دەرياسى سىزىقى

ئودىسسېئۇس

ئودوننېل

ئوراكلې

ئورانگې ئەركىن شتاتى

ئوران ئۇرۇشى

ئورتاق دۈشمەن توغرىسىدىكى پەرمان

ئورتاق قانۇن

ئورتاقلىق قانۇنى

ئورتېگا

ئورخان

ئوردا دەرۋازىسىدىكى ۋەقە

ئوردژونىكىدزې

ئوردېئال

ئورىتىسكىي

ئورسىنى

ئورىيانى

ئورفېلىن

ئورفېئۇس

ئوركومېنوس

ئورلاندو

ئورلېئانچىلار

ئورلېئان سۇلالىسى

ئورمان باتۇرلىرى

ئورمان قەلەندەرلىرى

ئورمان كىتابى

ئوروزكو

ئورېستېس

ئوسا تاكېكى

ئوستروۋىسكىي

ئوستېند خىتابنامىسى

ئوستىيە

ئوسىرىس

ئوسكارⅠ

ئوسمان

ئوسمان دان فودىئو

ئوسمانىزم

ئوسمان ئىمپېرىيىسى

ئوسۋېنتىسىم جازا لاگېرى

ئوسېبېرگ

ئوشئو خېئىخاچىرو

ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى

ئوكاداتا كېماتۇ

ئوكادا كېسسۇكې

ئوكا مۇرانېيجى

ئوكاۋا كانېئاكى

ئوكتاۋىيە

ئوكسۇس دەرياسى

ئو كوننور

ئوكۇبو توشمىچى

ئوكتاۋىئۇس

ئوكىسفورد نىزامى

ئوكىسفورد ئىلمىي ئېقىمى

ئوگاريوۋ

ئوگولىنى

ئوگداي خانلىقى

ئوڭ ئاغمىچىلىق

ئولاۋⅠ

ئولاۋⅡ (مۇقەددەس مۇرىت)

ئولپان يىغىش ساياھىتى

ئولگا

ئولگېرد

ئوللوئا مەخپىي دوكلاتى

ئولمۇس كېلىشىمى

ئولمېدو

ئولورگېسايلې

ئولېگ

ئولىگارخىيە

ئولمېك مەدەنىيىتى

ئولىمپىيە ماھارەت مۇسابىقىسى

ئولىمپىياد

ئولىۋارېس

ئولىۋېيرا مارتىنس

ئوليانوۋ

ئومەر

ئومورتاگ

ئومۇرا خۇتارۇ

ئومورى فۇساكچى

ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك

ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش

ئومىت تۇمشۇقى مۇستەملىكىسى

ئوندىن بىرنى ئۆلتۈرۈش قانۇنى

ئونا

ئونكىئۇل

ئونويا سۇمارو

ئونويا سۇمارو قەبرىسى

ئونۇتوفو

ئونۇ لىموكو

ئونىن توپىلىڭى

ئون يىللىق ئۇرۇش

ئوھۇد غازىتى

ئو. ھېنرى

ئو.ھىگىنىس

ئونېل

ئوۋاھران شەرتنامىسى

ئوۋچىلىق ئىگىلىكى

ئوۋېن

ئوۋىدىئۇس

ئوئېسۇگى كېنشىن

ئوئىكېنتارو

ئوياما ئىكوئو

ئوياما ئىۋا

ئويو پادىشاھلىقى

ئويۇي يۆ (ئوكۇسۇمى-كوشى) ۋاسساللار ئىتتىپاقى

ئىزاھى

ئوبرادوۋىچ

  • ئوبرادوۋىچ [يەشمىسى:]Dosifej Obradovic، 1742 — 1811)، سېربىيە جەمئىيەت ئەربابى، مەرىپەتچى، مائارىپچى. ھۈنەر ئۆگەنگەن، روھانىي بولغان، ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە گېرمانىيە داشۆسىدە دەرس ئاڭلىغان. 1807-يىلى بىلگرادتا داشۆدە قۇرغان. 1811-يىلى سېربىيىنىڭ مائارىپ ۋەزىرى بولغان. سېربىيىنىڭ ئەدەبىي تىلىنىڭ يەرلىك دىئالېكت بىلەن بىردەك بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. «نورمال ئەقلىي پاراسەت»، «كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان خىلمۇ خىل ئەسەرلەر توپلىمى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئېزوپ مەسەللىرى ۋە باشقا مەسەللەرنى تەرجىمە قىلغان. ئەسەرلىرىگە ئىنسانپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، دىنىي ئەنئەنىلەردىن ئادا-جۇدا بولۇش، دىنىي زۇلمەت ۋە خۇراپىيلىق بىلەن كۈرەش قىلىش ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەپ، دەھرىي ئەدبىيات-سەنئەتنىڭ ئۇلىنى سالغان.

ئوبرېنوۋىچ سۇلالىسى

  • ئوبرېنوۋىچ سۇلالىسى[يەشمىسى:]1815 — 1903-يىللاردا سېربىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان سۇلالە. مىلوش ئوبرېنوۋىچ قۇرغان ھەمدە كىنەز دەپ ئاتالغان. 1839-يىلى مىلوش تەختنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندىن كېيىن، ئوغلى مىخايلو Ⅲ ۋارىسلىق قىلغان. 1842-يىلى سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، مىخايلو ئاغدۇرۇلغان. 1858-يىلى مىلوش كىنەزلىك تەختىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئۇ 1860-يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، مىخايلو يەنە تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. 1868-يىلى مىخايلو قەتل قىلىنىپ، ئۇنىڭ بىر نەۋرە ئۇكىسى مىلانⅠ ۋە مىلاننىڭ ئوغلى ئالېكساندر ئارقا-ئارقىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئەكسىيەتچىل ئىچكى سىياسەتنى، ئاۋسترىيىگە مايىل تاشقى فاڭجېننى يولغا قويغان. بۇ سۇلالە 1903-يىلى 6-ئايدا ئاغدۇرۇلغان. 

ئوبودرىتىلار

  • ئوبودرىتىلار[يەشمىسى:] يەنە بودرىچىلار (Бодричи) دەپمۇ ئاتالغان. بولاب سلاۋىيانلارنىڭ ئەڭ چوڭ تارمىقى بولۇپ، ئىلبا دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان. مىلادى Ⅷ ئەسىردىن باشلاپ ساكسونلار ۋە دانىيىلىكلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ بېشىدا گېرمانلارغا بويسۇنغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يېڭىباشتىن مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن.Ⅺ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا ئۇلارنىڭ كىنەزى گوتشالك ليوگىچلار ۋە بىر قىسىم پوموللار بىلەن بىرلىشىپ، ۋېنېدى دۆلىتى (ۋېنېدى قەبىلىلىرىنىڭ ئىتتىپاقى)نى قۇرغان. Ⅹ[KG-*2]Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا گېرمان فېئوداللىرى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان ھەمدە تەدرىجىي ھالدا گېرمانلىشىپ كەتكەن. 

ئوبوروت

  • ئوبوروت[يەشمىسى:] تاۋار ئوبوروتى يەنى پۇلنى ۋاسىتە قىلغان تاۋار ئالماشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. تاۋار ئىگىلىكى شارائىتىدا، ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى مۇھىم باسقۇچ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمال ئوتتۇرىسىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئارىلىقتىكى ھالقا. تاۋار ئوبوروتى ئېلىش بىلەن سېتىش بىرلىشىپ كەتكەن نەرسىنى نەرسىگە ئالماشتۇرۇشقا ئوخشىمايدۇ، بەلكى ئېلىش بىلەن سېتىشنى سېتىش (تاۋار-پۇل) ۋە ئېلىش(پۇل-تاۋار) دىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا ئايرىيدۇ. بۇ ئىككى باسقۇچ بىر-بىرى بىلەن باغلانغاندا ئوبوروت جەريانى ھاسىل بولىدۇ، ئۇنىڭ تەرتىپى مۇنداق: تاۋار — پۇل — تاۋار. شۇڭا ئوبوروت داۋاملىق بولۇپ تۇرىدىغان ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئوبوروتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ كۆلىمى ھەم ئۇسۇلى ئىشلەپچىقىرىشقا باغلىق بولىدۇ، مەسىلەن، كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مەقسىتى — كاپىتالنى كۆپەيتىش، بۇ ھال ئۇنىڭ تاۋار ئوبوروتىنىڭ كاپىتال ئوبوروتىنىڭ بىر باسقۇچى، قوشۇمچە قىممەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانى ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە كاپىتالىستىك ئوبوروت ئىشلەپچىقىرىش ھۆكۈمەتسىز ھالەتتە تۇرغان ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ ھال ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوبوروتنىڭ زىددىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي كرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوبوروت جەريانىنى بۇزىدۇ. ئوبوروتمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. سوتسىيالىستىك تاۋار ئوبوروتى سوتسىيالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازار ئىگىلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ئۇ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

ئوبرۇچېۋ

  • ئوبرۇچېۋ[يەشمىسى:]Владимир Афанасъевич Обручев، 1863 — 1956) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق گېئولوگ ۋە جۇغراپىيەشۇناس. پېتېربۇرگ كان شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن موسكۋا كان شۆيۈەنى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پروفېسسورى، سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. سىبىرىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ گېئولوگىيىسى ۋە جۇغراپىيىسىنى تەتقىق قىلىش بىلەن تونۇلغان. مېتال كانلىرى بىئولوگىيىسى، قۇرۇلما گېئولوگىيىسى، يەر كۆرۈنۈشى ئىلمى، جۇغراپىيە قاتارلىق جەھەتلەردە خېلى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. «سىبىرىيىنىڭ گېئولوگىيىلىك تەتقىقات تارىخى»، «گېئولوگىيە قائىدىلىرى»، «كان ئىلمى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

ئوبنورسكىي

  • ئوبنورسكىي[يەشمىسى:]Виктор Павлович Обнорский، 1851 — 1919)، روسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەربابلىرىدىن بىرى. 1869-يىلى پېتېربۇرگتا سېلىسار بولۇپ، ئىنقىلابىي ئىشچىلار گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان. چەت ئەلدە بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ۋە غەربىي ياۋروپا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئىدىيىۋى تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. 1878-يىلى «شىمالىي روسىيە ئىشچىلار جەمئىيىتى» نى قۇرغان ھەمدە ئۇنىڭ پروگراممىسىنى يېزىپ چىققان، باسمىخانا قۇرۇپ چار پادىشاھ تۈزۈمىگە قارشى ئىنقىلابىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. ئىككىنچى يىلى قولغا ئېلىنىپ، 10 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ، سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن سىياسىي پائالىيەتلەردىن چېكىنگەن. 

ئوپپېنھېلمېر

  • ئوپپېنھېلمېر[يەشمىسى:]Robert Oppenhelmer، 1904 — 1967)، ئامېرىكىلىق ئاتوم فىزىكىسى ئالىمى. 1927-يىلى خارۋارد داشۆسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1929 — 1947-يىللاردا كالىفورنىيە داشۆسى ۋە كالىفورنىيە سانائەت شۆيۈەنىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، ئاتوم فىزىكىسىنى تەتقىق قىلغان. 1942 — 1945-يىللاردا يېڭى مېكسىكا شتاتىدىكى لوس ئاراموس ئاتوم ئېنېرگىيە تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى سىناپ ياساشقا مۇھىم تۆھپە قوشقان. 1946 — 1952-يىللاردا ئامېرىكا ئاتوم ئېنېرگىيىسى كومىتېتى باش مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1949-يىلى تېخنىكا ۋە مەنىۋى سەۋەب تۈپەيلىدىن، ۋودوروت بومبىسىنى ياساشقا كۈچلۈك قارشى تۇرغان. 1953-يىلى ئاتوم ئېنېرگىيىسىگە ئائىت مەخپىي ماتېرىياللارغا يېقىنلىشىشى مەنئى قىلىنغان. «ئىلىم-پەن ۋە ئورتاق چۈشىنىش» دېگەن ئەسىرى بار. 

ئوپپېنھېيىم

  • ئوپپېنھېيىم[يەشمىسى:]Lassa Francis Lawrence Oppenheim، 1858 — 1919)، خەلقئارا قانۇنشۇناس. گېرمانىيىدە تۇغۇلغان. 1885-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ فرېبۇرگ (Friburg)، باسېل داشۆلىرىدە پروفېسسور بولغان. 1895-يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ خەلقئارا قانۇننى تەتقىق قىلغان. 1908 — 1919-يىللاردا ئوكسفورد داشۆسىنىڭ خەلقئارا قانۇندىن دەرس بېرىدىغان پروفېسسورى بولغان. ئۇ خەلقئارادىكى ئەھۋاللارنى بۇرژۇئازىيە سۇيىئستېمالچىلىق نۇقتىئىنەزەرى بىلەن تەھلىل قىلغان ھەمدە تارىختىكى خەلقئارا رەسىم-ئادەتلەرنى توپلاپ، جاھانگىرلىك سىياسىتىنى ئاقلىغان. «خەلقئارا قانۇن» دېگەن ئەسىرى بار. 

ئوتتاۋا يىغىنى

  • ئوتتاۋا يىغىنى[يەشمىسى:] ئەنگلىيە 1932-يىلى 7-ئايدا كانادانىڭ ئوتتاۋا شەھىرىدە ئاچقان ئىمپېرىيە ئىقتىسادىي يىغىنى. ئەنگلىيىنىڭ دومىنىئونلىرىدىن كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيىلەر قاتناشقان. يىغىنغا بالدۋىن رىياسەتچىلىك قىلغان. چېگرا بېجى ۋە تاشقى سودا مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئوتتاۋا كېلىشىمى تۈزۈلگەن. كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيىلەر ئەنگلىيىگە مال ئېكسپورت قىلىشتا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشكە ئېرىشكەن، ئۇلار باشقا دۆلەتلەرنىڭ ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان چېگرا بېجىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئەنگلىيە ماللىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن. يىغىن ئەنگلىيىنىڭ ئۆز دومىنىئونلىرىنى سىياسىي جەھەتتە كونترول قىلىشنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئوتتو (فرېسىڭلىق)

  • ئوتتو (فرېسىڭلىق)[يەشمىسى:]Otto Von Freising، تەخمىنەن 1114 — 1158) گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس. ھوقۇقدار ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئىلگىرى پارىژ داشۆسىگە كىرىپ، مەدرىس پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلغان، 1138-يىلى فرېسىڭ (Freising، گېرمانىيە باۋارىيە شتاتىدا)نىڭ ئېپىسكوپى بولغان.1147-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى كونرادⅡ گە ئەگىشىپ ئەھلىسەلىپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شەرققە يۈرۈشى (1147 — 1149)گە قاتنىشىپ، مەغلۇپ بولۇپ قايتىپ كەلگەن، كېيىن جىيەنى — ئىمپېراتور فرېدرىخⅠ (قىزىل ساقال) نىڭ ئىشەنچسىگە ئىگە بولغان. ئۇنىڭ «يىلنامە تارىخى» («قوش قەلئە تارىخى» دەپمۇ ئاتالغان)دا «ئىنجىل»دىكى «دۇنيانىڭ يارالمىشى» دىن 1146-يىلغىچە بولغان تارىخ بايان قىلىنغان. يەنە بىر ئەسىرى «ئىمپېراتور فرېدرىخ Ⅰ نىڭ ئىشلىرى»دا ئىمپېراتور ھېنرىⅣ تەختتە تۇرغان مەزگىلدىن 1156-يىلغىچە (كېيىن ئۇنىڭ كاتىپى 1160-يىلغىچە داۋاملاشتۇرغان) بولغان ئارىلىقتىكى گېرمانىيىنىڭ تارىخىي ۋەقەلىكلىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋىتىنى خاتىرىلىگەن. ئۇنىڭ ئەسىرى كېيىنكىلەر ئۈچۈن نورغۇنلىغان قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللارنى ساقلاپ بەرگەن.

ئوتتوⅠ

  • ئوتتوⅠ[يەشمىسى:]OttolⅠ,Der Grobe، 912 — 973) يەنى ئىمپېراتور ئوتتو. گېرمانىيە ساكسېن سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (936 — 973)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (962 — 973). تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە، چېركاۋغا نۇرغۇن زېمىن بەرگەن ھەمدە زېمىن تەۋەلىكىدىكى مەمۇرىي ھوقۇق ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىنى چېركاۋنىڭ باشلىقىغا بەرگەن(«ئوتتوئىمتىيازى»غاقاراڭ)، چېركاۋنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ دەھرىي فېئودال ئىگىلىرىنى تىزگىنلەپ، كورۇل ھوقۇقىنى كۈچەيتمەكچى بولغان. مىلادى 951-يىلى، ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، لومباردى رايونىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە ئىتالىيە كورۇلى لوتورنىڭ تۇل قالغان ئايالى ئادېلايدې (Adelaide) بىلەن توي قىلىپ، ئىتالىيە كورۇلى دېگەن نامغا ئىگە بولغان. 955-يىلى ئاۋگوسبېرگ ئەتراپىدا ماجارلار (ۋېنگرلار)نى مەغلۇپ قىلغان. 961-يىلى، رىم ئاقسۆڭەكلىرى قوغلاپ چىقارغان پاپا جون Ⅻ نىڭ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللىغان. ئىككىنچى يىلى، جون Ⅻ رىم سان پېتر چېركاۋىدا ئوتتوغا تاج كىيدۈرۈپ، «رىم ئىمپېراتورى»دەپ ئاتىغان. بۇ مۇقەددەس ئىمپېرىيىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئوتتوⅡ

  • ئوتتوⅡ[يەشمىسى:]OttoⅡ،955 — 983)، گېرمانىيە ساكسېن سۇلالىسىنىڭ كورۇلى، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (973 — 983). ئوتتو Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەخمىنەن مىلادى 977-يىلى باۋارىيە كىنەزى ھېنرىنى بويسۇندۇرۇپ پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى كۈچەيتكەن. 978-يىلى لورېنغا بېسىپ كىرگەن فرانسىيە ئارمىيىسىنى قوغلاپ چىقارغان. 981-يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە تەۋە جەنۇبىي ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلغان. كېيىنكى يىلى كالابرىيە (Calabria) رايونىدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئەرەبلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 983-يىلى پولابىئان سلاۋىيانلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولغان ليوگىچلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، گېرمان فېئوداللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن بىر مەزگىل قۇتۇلغان.

ئوتتوⅢ

  • ئوتتوⅢ[يەشمىسى:]OttoⅢ،980 — 1002)، گېرمانىيە ساكسېن سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (983 — 1002)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (983 — 1002؛ 996-يىلى تاج كىيگەن). ئوتتو Ⅱ نىڭ ئوغلى. كىچىكىدىنلا تەختكە ئولتۇرغان، 991-يىلغىچە ئانىسى نائىبلىق قىلغان. 983-يىلى پولابىئان سلاۋىيانلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، گېرمان فېئوداللىرىنىڭ قۇل قىلىشىغا قارشى چىققان. 996-يىلى ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئالغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، رىم شەھىرىنى مەركەز قىلغان دۇنيا ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇش خام خىيالىدا بولۇپ، 996-، 998-، 1001-يىللىرى ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلغان، ئەمما ھەممىسىدىلا مەغلۇپ بولغان. مەملىكەت ئىچىدە بەگلەرنىڭ كۈچى كۈنسايىن كۈچەيگەن.

ئوتتوⅣ

  • ئوتتوⅣ[يەشمىسى:]Otto Ⅳ، تەخمىنەن 1174 — 1218) گېرمانىيە كورۇلى(1198 — 1215)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1209 — 1215). ۋېلف جەمەتىدىن. 1197-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅳ ئۆلۈپ، ئۇكىسى فىلىپ تەختكە چىققان. ۋېلف جەمەتى ئوتتونى ئۇنىڭ بىلەن تەختنى تالىشىشقا سالغان ھەمدە رىم پاپاسى ئىننوتسېنتۇس Ⅲ نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1208-يىلى فىلىپ مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىنكى يىلى ئوتتو ئىمپېراتورلۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1210-يىلى ئۇ پاپاغا بېقىنىدىغان سىتسىلىيە كورۇللۇقىنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، ئىننوسېنتۇس Ⅲ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. 1212-يىلى ئىننوسېنتۇس Ⅲ ھېنرى Ⅳ نىڭ ئوغلى فرېدرىخ Ⅱ نى ئىمپېراتور دەپ ئېلان قىلغان. كېيىن ئوتتو يەنە ئەنگلىيە كورۇلى جون (يەرسىز كورۇل) نىڭ فرانسىيە كورۇلى فىلىپⅡ گە قارشى ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ،1214-يىلى 7-ئايدا بۇۋېن جېڭىدە مەغلۇپ بولغان. كېيىنكى يىلى تەختتىن چۈشكەن.

ئوتتوكارⅠ

  • ئوتتوكارⅠ[يەشمىسى:]OttokarⅠ،؟— 1230) پرېمسل Ⅰ(Premysli) دەپمۇ ئاتالغان. چېخىيە كىنەزى (1192—1193،1197— 1198)، چېخىيە كورۇلى (1198 — 1230). تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەتنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى چوڭ فېئودال خوجىلىق يەر ئىگىلىرىنى بويسۇندۇرغان؛ گېرمانلارنى چېخىيىگە كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈرگەن ھەمدە چېخىيىدە «گېرمان قانۇنى»نى يولغا قويغان. 1216-يىلى خوخېنستاۋفېن سۇلالىسىنىڭ ئىمپېراتورى فرېدرىخ Ⅱ ئۇنىڭ چېخىيە كورۇلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

ئوتتوكارⅡ

  • ئوتتوكارⅡ[يەشمىسى:]OttokarⅡ، تەخمىنەن 1230 — 1278) يەنە پرېميسل Ⅱ (PremyslⅡ) دەپمۇ ئاتالغان. چېخىيە كورۇلى (1253— 1278). تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ئاۋسترىيە، سىترىيە (Styria)، كارىنسىيە(Carinthia)ۋە كارىنولا ](Cariniola)، كرائىن (Krain) دەپمۇ ئاتالغان)[ لارنى بويسۇندۇرۇپ، چېخىيىنى ئوتتۇرا ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندۇرغان. 1254-، 1267-يىللىرى تېوتون رىتسارلار پولكىنىڭ پرۇسسىيىلىكلەر ۋە لىتۋالىقلارغا قارشى سوقۇشىغا قاتناشقان. ھابىسبۇرگ جەمەتىدىن رۇدولف Ⅰ بىلەن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورلۇققا سايلىنىشىنى تالىشىش كۈرىشىدە مەغلۇپ بولغان. رۇدولف Ⅰ چېخ ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كورۇلغا بولغان نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتوكار Ⅱگە قارشى لەشكەر تارتقان. 1278-يىلى 8-ئايدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە ئوتتوكارⅡ مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇ قوشۇۋالغان يەرلەر ھابىسبۇرگ جەمەتىگە تەۋە بولغان.

ئوتتو ئىمتىيازى

  • ئوتتو ئىمتىيازى[يەشمىسى:]مىلادى Ⅹ ئەسىرنىڭ 40 — 50-يىللىرى گېرمانىيە كورۇلى ئوتتو Ⅰ كاتولىك دىنىنىڭ ئېپىسكوپى ۋە موناستىر باشلىقلىرىغا بەرگەن ئالاھىدە ھوقۇق بولۇپ، چېركاۋ فېئوداللىرى ئۆزىنىڭ خوجىلىق يېرىدە ئەدلىيە ھوقۇقى ۋە مەمۇرىي ھوقۇققا ئىگە بولۇش، كورۇلنىڭ ئېپىسكوپ ۋە موناستىر باشلىقىنى تەيىنلەش، قالدۇرۇش ھوقۇقى بولۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ مەقسىتى چېركاۋ فېئوداللىرىدىن پايدىلىنىپ دەھرىي چوڭ فېئوداللارنى چەكلەش ھەمدە مونارخىيىلىك ھاكىمىيىتىنىڭ چېركاۋلارنى كونترول قىلىشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. نەتىجىدە مونارخىيىلىك ھاكىمىيىتى ۋاقىتلىق مۇستەھكەملەنگەن بولسىمۇ، ئەمما چېركاۋ فېئوداللىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ گېرمانىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن پارچىلىنىشى تېزلەشكەن.

ئوتتۇرا ئافرىقا فېدېراتسىيىسى

  • ئوتتۇرا ئافرىقا فېدېراتسىيىسى[يەشمىسى:] رودېزىيە-نىياسالېند فېدېراتسىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيە دومىنىئونى. يېرىم دومىنىئون — جەنۇبىي رودېزىيە (ھازىرقى زىمبابۇۋى)ۋە ھامىيلىقتىكى دۆلەت شىمالىي رودېزىيە (ھازىرقى زامبىيە) ھەمدە نىياسالېند (ھازىرقى مالاۋى)دىن تەركىب تاپقان. 1953-يىلى رەسمىي قۇرۇلغان. «فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇنى» غا ئاساسەن، ئۈچ دۆلەت يەنىلا فېدېراتسىيىدىن بۇرۇنقى ئورۇننى ساقلاپ قالغان. ئەنگلىيە كورۇلىۋاسى بىر نەپەر باش ۋالىي ئەۋەتىپ سىرتقى مۇناسىۋەت، دۆلەت مۇداپىئەسى، ئىقتىساد، مالىيە ۋە قاتناشنى باشقۇرغان. ئۈچ دۆلەت خەلقىنىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشى ئارقىسىدا، 1963-يىلى تارقىتىلغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان.

ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى

  • ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرىنىڭ رايون خاراكتېرلىك تەشكىلاتى. 1951-يىلى 10-ئايدا كوستارىكا، سالۋادور، گۋاتېمالا، ھوندۇراس ۋە نىكاراگۇئادىن ئىبارەت ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بەش دۆلەت «ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئاساسىي نىزامى»نى ئىمزالاپ، شۇ يىلى 12-ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان. مەقسىتى، بەش دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن «بىر پۈتۈن گەۋدىلىشىشى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. 1962-يىلى 8-ئايدا، بەش دۆلەت ئىقتىسادىي «بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرۇلغان» ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ئورتاق بازىرىنى قۇرغاندىن كېيىن، بەش دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سالۋادوردا يېڭى ئاساسىي نىزام ئىمزالاپ، ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلغان ۋە تەشكىلىي ئورگىنى — زۇڭتۇڭلار يىغىنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرلىرىدىن تەركىب تاپقان ئىقتىسادىي كېڭەش مەجلىس مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. باش شتابى سان-سالۋادوردا.

ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى فېدېراتسىيىسى

  • ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى فېدېراتسىيىسى[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئامېرىكا بىرلەشمە ئۆلكىلىرى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. ئەسلىدە گۋاتېمالا گېنېرالىغا قاراشلىق بولغان رايونلاردىن گۋاتېمالا، سالۋادۇر، ھوندۇراس، نىكاراگۇئا ۋە كوستارىكادىن ئىبارەت بەش ئۆلكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1823-يىلى 7-ئايدا، مۇستەقىللىك جاكارلاپ ھەمدە گۋاتېمالا شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. 1824-يىلى 11-ئايدا، ئاساسىي قانۇن جاكارلىغان. سالۋادورلۇق مانۇئېل جوسې ئارىسې (Manuel Jose Arce، 1787 — 1847) تۇنجى زۇڭتۇڭ بولغان (1825 — 1828). ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ پىكىر ئىختىلاپى ۋە لىبېراللار ھەمدە كونسېرۋاتىپلارنىڭ دە-تالاشلىرى ئارقىسىدا، ئىچكى ئۇرۇش قوزغالغان. كېيىن ھوندۇراسلىق فرانسىسكو مورازان (Francisco Morazan،1792 — 1842) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن (1830 — 1839). 1834-يىلى پايتەختنى سان-سالۋادورغا يۆتكىگەن.1839-يىلى فېدېراتسىيە يىمىرىلىپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەر مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقىنى ئايرىم-ئايرىم جاكارلىغان. 

ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ئورتاق بازىرى

  • ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ئورتاق بازىرى[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى. 1962-يىل 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، كوستارىكا، گۋاتېمالا، ھوندۇراس، نىكاراگۇئا ۋە سالۋادوردىن ئىبارەت بەش دۆلەت كوستارىكانىڭ پايتەختى — سان-جوسى (San Jose)دا كېلىشىم ئىمزالاپ، قۇرۇشنى قارار قىلغان. ئاساسىي ۋەزىپىسى ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودا چېگرا بېجى گومرۇكىنى ئاخىرقى ھېسابتا بىكار قىلىپ، ئورتاق چېگرا بېجى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مالىيە ۋە سانائەت سىياسەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن؛ سەھىيە، ئەمگەك-ئىش ھەققى، مائارىپ، قاتناش ۋە دېھقانچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. 1963-يىلى 8-ئايدا، پاناما ئەزا دۆلەت سالاھىيىتى بىلەن قاتنىشىشنى قارار قىلغان. 1969-يىلى سالۋادور بىلەن ھوندۇراس ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش بولغاندىن كېيىن، ھوندۇراس 1970-يىلى ئورتاق بازار پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى توختاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى يەنىلا ئەزا دۆلەت دەپ ھېسابلىغان. تەشكىلىي ئورگىنى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ئىقتىسادىي كومىتېتى، «ئومۇمىي شەرتنامە» ئىجرائىيە كومىتېتى، «ئومۇمىي شەرتنامە» دائىمىي كاتىبات باشقارمىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك كومىتېتتۇر. باش شتابى گۋاتېمالانىڭ پايتەختى — گۋاتېمالادا.

ئوتتۇرا ئەسىر

  • ئوتتۇرا ئەسىر[يەشمىسى:] لاتىن يېزىقىدا Mediumaevum دەپ يېزىلىپ، كلاسسىك مەدەنىيەت دەۋرى (يۇنان، رىم) بىلەن كلاسسىك مەدەنىيەتنىڭ «قايتا گۈللىنىش» دەۋرى ئوتتۇرىسىدىكى دەۋرىنى كۆرسىتىپ، تەخمىنەن مىلادى Ⅴ ئەسىردىن Ⅹ[KG-*2]Ⅴ ئەسىرگىچە بولغان دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. بۇ سۆزنى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىش مەزگىلىدە، ئىتالىيە گۇمانىزمچىسى بىئوندو (Biondo) ئىجاد قىلغان بولۇپ، كېيىن كەڭ قوللىنىلغان. «ئوتتۇرا قەدىمكى زامان» ياكى «ئوتتۇرا ئەسىر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، قەدىمكى زامان بىلەن يېقىنقى زاماننىڭ ئارىلىقىنى يەنى قۇللۇق جەمئىيىتى پارچىلانغاندىن باشلاپ كاپىتالىزمغا ئۆتكىچە بولغان دەۋرنى كۆرسىتىدۇ. ماركسىزملىق تارىخشۇناسلىق ئۇنى فېئودالىزم دەۋرى دەپ قاراپ، دەسلەپكى، ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى دەۋرگە بۆلىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ فېئودالىزمغا ئۆتۈش ۋاقتى تەكشى ئەمەس، جۇڭگو ئەڭ بۇرۇن ئۆتكەن بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىر ئۆپچۆرىسىگە توغرا كېلىدۇ. ياۋروپادا، مىلادى 476-يىلى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ھالاك بولغاندىن 1640-يىل ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىغىچە بولغان دەۋرنى ئوتتۇرا ئەسىر دەپ ھېسابلايدۇ.

ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرى

  • ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرى[يەشمىسى:] ئارخېئولوگىيىلىك دەۋرگە بۆلۈشتە «كونا تاش قورال دەۋرى» بىلەن «يېڭى تاش قورال دەۋرى» ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈنچى باسقۇچ بولۇپ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 15 مىڭ يىل بۇرۇن باشلانغان. ئۇ چاغلاردا ئىنسانىيەت ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە يىغىش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئىشلەتكەن قوراللىرى ئارىسىدا يونۇپ ياسىغان تاش قوراللار ئاساسلىق بولغان، قىسمەن سىلىقداپ ياسىغان تاش قوراللارمۇ بولغان. سىپتا تاش قوراللارمۇ مەيدانغا كەلگەن. ئوقيا كەشپ قىلىنىپ، ئوۋچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۈنۈمى ئاشقان. ئىت بېقىپ كۆندۈرۈش، ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىپ كۆندۈرۈشنىڭ باشلىنىشى بولغان. بۇ دەۋرنىڭ ئاخىرلاشقان ۋاقتى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئوخشاش ئەمەس. ئەڭ بۇرۇن بولغانلىرى بۇنىڭدىن يەتتە-سەككىزمىڭ يىل بۇرۇنلا يېڭى تاش قورال دەۋرىگە قەدەم قويغان.

ئوتتۇرا دېڭىز كېلىشىمى

  • ئوتتۇرا دېڭىز كېلىشىمى[يەشمىسى:] ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن ئىتالىيە تۈزگەن كېلىشىم. ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرق قىسمىنىڭ ئەينى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان. 1887-يىل 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەنگلىيە بىلەن ئىتالىيە نوتا تاپشۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن كېلىشىم تۈزۈشۈپ، ئوتتۇرا دېڭىز، ئادرىياتىك دېڭىزى ۋە ئېگېي دېڭىزىدا ئەينى ھالەتنى ساقلاش، مۇشۇ رايوندا ھەرقانداق ئۆزگىرىش بولۇشتىن بۇرۇن، ئىككى دۆلەت مەسلىھەتلىشىشنى كېلىشكەن. 3-ئايدا ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىمۇ بۇ كېلىشىمگە قاتناشقان. 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەنگلىيە بىلەن ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى يېڭى كېلىشىم ئىمزالىغان، ئىتالىيىمۇ 16-كۈنى بۇنىڭغا قاتناشقان. ئۈچ دۆلەت تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەرقتە ئەينى ھالەتنى ساقلاپ، روسىيە تەسىرىنىڭ تۈركىيىدە ئۆسۈپ كېتىشىنى بىللە چەكلەپ، روسىيە قورال كۈچى ئىشلىتىپ، تۈركىيىنى يول قويۇشقا مەجبۇر قىلغان ئەھۋالدا، ئۈچ دۆلەت دەرھال مەسلىھەتلىشىپ، بىللە چارە-تەدبىر قوللىنىشقا كېلىشكەن. ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيە زىددىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەنگلىيە فرانسىيە، روسىيە تەرەپكە بۇرۇلۇشقا مەجبۇر بولغان، بۇ كېلىشىممۇ بارا-بارا ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتقان.

ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى

  • ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى[يەشمىسى:]1947-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىننى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش قارارىنى ماقۇللىغاندىن بۇيان، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا پارتلىغان تۆت قېتىملىق ئۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ: (1) پەلەستىن ئۇرۇشى، 1948-يىل 5-ئاينىڭ 14-كۈنى يەھۇدىيلار پەلەستىندە «ئىسرائىلىيە دۆلىتى» قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىككىنچى كۈنى، ئىسرائىلىيە مىسىر، ئىراق، لىۋان، سۈرىيە ۋە ئىئوردانىيىگە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى. 1949-يىل 2-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئارقا-ئارقىدىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. 960 مىڭ پەلەستىنلىك يۇرت ماكانىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. ئىسرائىلىيە پەلەستىننىڭ 20 نەچچە مىڭ كۋادرات كىلومېتر زېمىنىنى كونترول قىلىۋالدى. (2) سۇۋەيش قانىلى ئۇرۇشى. 1956-يىلى 7-ئايدا مىسىر سۇۋەيش قانىلىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.شۇ يىلى 10-ئايدا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىسرائىلىيە مىسىرغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى. مىسىرنىڭ باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ۋە ئەرەب خەلقى ھەمدە دۇنيا خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئەنگلىيە، فرانسىيە قوشۇنى مىسىردىن پۈتونلەي چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. 1957-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئىسرائىلىيە قوشۇنى گازا ۋە ئەكبەر قولتۇقى رايونىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. (3)«5-ئىيۇن» ئۇرۇشى.1967-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئىسرائىلىيە مىسىر، سۈرىيە ۋە ئىئوردانىيىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئالتە كۈن ئىچىدە ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى، ئېروسالىمنىڭ شەرقىي رايونى، گازا رايونى ۋە مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلى، سۈرىيىنىڭ گولان ئېگىزلىكى قاتارلىق جەمئىي 65 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدىغان ئەرەب زېمىنىنى بېسىۋالدى، 500 مىڭغا يېقىن ئەرەب مۇساپىرلارغا ئايلىنىپ قالدى.6-ئاينىڭ 7-، 8-كۈنلىرى، دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، «ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى»نى ماقۇللىتىپ، مىسىر، سۈرىيە ۋە ئىئوردانىيىنى كەڭ زېمىندىن مەھرۇم بولغان ئەھۋال ئاستىدا، شەرتسىز «ئۈرۈش توختىتىش»نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. (4)ئۆكتەبر ئۇرۇشى.1973-يىل 10-ئاينىڭ 6-كۈنى، مىسىر، سۈرىيە ۋە پەلەستىننىڭ باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئىسرائىلىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئېلىپ بارغان قايتۇرما زەربە بېرىش ئۇرۇشى. مىسىر قوشۇنلىرى سۇۋەيش قانىلىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ 10-ئاينىڭ 8-كۈنى «بالېۋ مۇداپىئە لىنىيىسى» نى بۇزۇپ تاشلاپ، سىناي يېرىم ئارىلىغا بېسىپ كىردى؛ سۈرىيە قوشۇنلىرى گولان ئېگىزلىكىدىكى ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، ھېرمون (Hermon) تېغىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرمۇنچە ئىستېھكاملارنى بېسىۋالدى، پەلەستىن پارتىزانلىرى ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئارقا سېپىدە ئارقا-ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەن كۈچىنى ئىسكەنجىگە ئالدى. ئەرەب نېفىت دۆلەتلىرى نېفىتتىن ئىبارەت بۇ قورالدىن پايدىلىنىپ، ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قارىتا نېفىت ئىمبارگوسى يۈرگۈزدى. 10-ئاينىڭ 22-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى «ئۇرۇشنى ئۆز جايىدىلا توختىتىش» توغرىسىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى-ئامېرىكا تەكلىپ لايىھىسىنى ماقۇللاپ، ئۇرۇشنى ئاخىر توختاتتى.

ئوت كرېست ئۆمىكى

  • ئوت كرېست ئۆمىكى[يەشمىسى:]جەڭگىۋار كرېست ئۆمىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فرانسىيىدىكى فاشىستىك تەشكىلات. ئۇنىڭ رەھبىرى، كەسپى ئوفىتسېر پولكوۋنىك لاروكې (Franζoisde La Rocque، 1886 — 1945)ئىدى. ئەسلىدە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ تەشكىلاتى بولۇپ، 1919 — 1920-يىللىرى قۇرۇلغان (ئوڭچىل سىياسەتۋازلارمۇ قاتناشقان)، كېيىن يېرىم ھەربىي خاراكتېردىكى تەشكىلاتقا ئايلانغان.1933-يىلى يەنە ياشلار تەشكىلاتى ۋە ئاياللار تەشكىلاتلىرى قۇرۇلغان. 1934-يىل 2-ئاينىڭ 6-كۈنى فاشىستىك توپىلاڭغا قاتناشقان. 1936-يىلى 6-ئايدا خەلق فرونتى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن. 7-ئايدا قايتىدىن تەشكىللىنىپ «فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى» دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پېتايىننىڭ قوللىشى بىلەن «فرانسىيە ئىلغارلار پارتىيىسى» گە ئۆزگەرتىلگەن. 1945-يىلى تارقىتىۋېتىلگەن.

ئوتوⅠ

  • ئوتوⅠ[يەشمىسى:]OthoⅠ،1815— 1867)،گرېتسىيە كورۇلى(1832—1862)، باۋارىيە كورۇلى لۇئى Ⅰنىڭ كەنجى ئوغلى. 1832-يىلى 5-ئايدا ئەنگلىيە، روسىيە، فرانسىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، گرېتسىيە مىللىي پارلامېنتى تەرىپىدىن كورۇللۇققا سايلانغان. 1833-يىلى تەختكە رەسمىي چىققان (1835-يىلى 5-ئايغىچە دۆلەتنى نائىب ئىدارە قىلغان). دەسلەپكى مەزگىلدە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش فاڭجېنىنى قوللىنىپ، باۋارىيىدىن كەلگەن قوشۇنغا تايانغان. 1843-يىلى 9-ئايدا ئافىنادا قوزغىلاڭ پارتلاپ، باۋارىيە قوشۇنىنى تارقىتىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە گرېتسىيىدە جاۋابكار ئىچكى كابىنېت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا قوشۇلغان. 1862-يىلى بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن تەختتىن چۈشۈپ، باۋارىيىدىكى بامبېرگ (Bamberg)قا كۆچۈپ بېرىپ، تاكى ۋاپات بولغىچە شۇ يەردە ياشىغان.

ئوتوپىيە

  • ئوتوپىيە[يەشمىسى:] لاتىنچە Utopia نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئەسلى مەنبەسى گرېكچە OU (يوق) ۋە topos (يەر) بولۇپ، مەنىسى «يوق يەر» دېگەنلىك. 1516-يىلى ئەنگلىيىلىك توماس مورې يازغان «ئەڭ مۇكەممەل دۆلەت تۈزۈمى ۋە ئوتوپىيە يېڭى ئارىلىنىڭ ھەم پايدىلىق، ھەم قىزىقارلىق گۆھەر كىتابى توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىشى. بۇ كىتاب ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچى قىسمىدا، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە، غەربىي ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تۈزۈمى ۋە سىياسىي تۈزۈمى تەنقىد قىلىنغان. ئىككىنچى قىسمىدا ئاپتور ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان ئوتوپىيە ئىجتىمائىي تۈزۈمى تەسۋىرلەنگەن. يەنى: ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئورنىتىلغان، ئەمەلدارلار گراژدانلار سايلىمى ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدىغان، دۆلەت شەھەر ئارقىلىق پىلان تۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەيدىغان، ئائىلىلەر ئىقتىسادىي بىرلىك قىلىنىپ، ھەممە ئادەم ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، كۈنىگە 6 سائەتلىك ئىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، ئېھتىياجغا قاراپ تەقسىم قىلىنىدىغان، ئەر-ئايال دەپ ئايرىماي ئورتاق تەربىيە ئالىدىغان قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. لېكىن بۇ جەمئىيەتنىڭ تېخنىكا ئاساسى يەنىلا قول ئارقىلىق باشقۇرۇلغان ھەمدە قۇل (ئەسىرلەر، جىنايەتچىلەر)ۋە دىن (پوپ سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىش) داۋاملىق ساقلاپ قېلىنغان. باشقىلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىش، مۇستەملىكە قۇرۇشقا يول قويۇلغان. بۇ كىتاب دىئالوگ شەكلىدە يېزىلغان، يەنە رافائىل ھىسرادنىڭ غەلىتە زېمىن، يات ئەلدە تۇرغان بەش يىل ئىچىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. كىتاب ئەسلى لاتىنچە يېزىلغان بولۇپ، كېيىن ياۋروپادىكى كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، ياۋروپادىكى خىيالىي سوتسىيالىزمنىڭ تۇنجى نادىر ئەسىرى بولۇپ قالغان. ئوتوپىيە ھازىر «خىيالى» دېگەن سۆزگە مەنىداش بولۇپ قالدى.

ئوتوپىيە سوتسىيالىزمى

  • ئوتوپىيە سوتسىيالىزمى[يەشمىسى:] يەنى «خىيالىي سوتسىيالىزم». ئوتوپىيە دېگەن ئاتالغۇ ئەسلى گرېكچىدىن كەلگەن بولۇپ، «يوق زېمىن» دېگەن مەنىدە. خىيالىي سوتسىيالىزمچى توماس مور يازغان «ئوتوپىيە» دېگەن كىتابتا ئويدۇرۇپ چىقىلغان غايىۋى ئارالنىڭ ئىسمى بولۇپ، كېيىن «خام خىيال» دېگەن سۆزگە مەنىداش بولۇپ قالغان.

ئوتو لايىھىسى

  • ئوتو لايىھىسى[يەشمىسى:] فاشىستلار گېرمانىيىسىنىڭ ئاۋسترىيىنى بېسىۋېلىش ھەربىي پىلانىنىڭ شەرتلىك بەلگىسى. ھابىسبۇرگ پادىشاھ جەمەتى ئوتونىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، ئۇ ئاۋسترىيە كورۇللۇق تەختىنىڭ ياش، ئېھتىمالدىكى ۋارىسى بولۇپ، شۇ چاغدا بېلگىيىدە تۇراتتى. 1937-يىلى 6-ئايدا، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بلومبېرگ گىتلېرنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن، ۋېنانى ئومۇمىي نىشان قىلىپ بېكىتىپ يۈرۈش قىلىش، ھەرقانداق قارشىلىقلارنى تارمار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1938-يىل 3-ئاينىڭ 11-كۈنى گىتلېر ئوتو ھەربىي ھەرىكەت لايىھىسى توغرىسىدىكى بىرىنچى، ئىككىنچى بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. ئەتىسى تاڭ سەھەردە گېرمانىيە ئارمىيىسى چېگرىدىن ئۆتۈپ، ئاۋسترىيىنى بېسىۋالغان.

ئوتومولار

  • ئوتومولار[يەشمىسى:]مىلادى Ⅴ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە، ياپونىيىدىكى چوڭ جەمەت. ئۇنىڭ باشلىقى ياماتو ئوردىسىدا ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرغان، مۇتسۇبىلارغا ئوخشاش «دايرىن»دەپ ئاتالغان. ئوتومو كانېمۇراجوزى بەگلىكى (ھازىرقى كىۇسىيو)دىكى ئىۋاي توپىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتنىشىپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن خان ئوردىسىدا ئالدىنقى ئورۇنغا ئىگە بولغان. كېيىن چاۋشيەنگە قاراتقان سىياسەت تۈپەيلىدىن موتسۇبى ئوكوشىنىڭ پاش قىلىشى ئارقىسىدا مۇھىم ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلانغان، مەزكۇر جەمەت زەئىپلىشىپ كەتكەن. رېنشىن توپىلىڭى (مىلادى 672-يىلى)دا تېننونىڭ ئوغلى ئومىتوكىيو (كېيىن تەختكە چىققاندا تەڭرى خان تېنمو)غا بېقىنغان. ئوتومو ياسۇمارو، ئوتومو تابىتولار (665 — 731) ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشىپ، بۇ جەمەت يەنىلا گۈللىنىپ كەتكەن. ئوتومو ئىموس (تەخمىنەن 718 — 785) شەرققە يۈرۈش قىلغۇچى سانغۇن بولغان. ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ كۇزۇخارا تانېتسۇگۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى پاش بولۇپ، تېننو خۇەنۋۇ سىياگۇن دېگەن ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىغان. ئوتومو ئىموس شېئىر يېزىشقا ئۇستىراق بولۇپ، «يوپۇرماقلار توپلىمى»نى تۈزۈشكە تۆھپە قوشقان. 821-يىلى تېننونىڭ ئوغلى ئوتومو (كېيىن تېننو دۇنخې)دىن پەرھىز قىلىپ تومولار قىلىپ ئۆزگەرتكەن. 866-يىلى يىنتيەنمېنغا ئوت كەتكەندە، توموزېنو (809 — 868) ئۇنىڭغا چېتىلىپ سۈرگۈن قىلىنغان. بۇ جەمەت ئاخىر خارابلاشقان.

ئوتتۇز توققۇز ئەقىدە

  • ئوتتۇز توققۇز ئەقىدە[يەشمىسى:] ئەنگلىيە دۆلەت دىن جەمئىيىتىنىڭ ئەقىدىسى. بۇ ئەقىدە 1563-يىلى لاتىن يېزىقىدا ۋە ئىنگلىز يېزىقىدا ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلاھىي تاماققا مۇناسىۋەتلىك 29-ماددا چىقىرىۋېتىلگەن؛ 1571-يىلىغا كەلگەندىلا بۇ ماددا ئېلان قىلىنغان. ئەقىدە كالۋىن دىنىنىڭكىگە سەل ئوخشايدۇ، مەسىلەن: «تەۋرات»نى ئېتىقادنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى قىلىش، گۇناھتىن ساقىت بولۇش چېكى ۋە مۇقەددەس سۈرەتكە چوقۇنۇش ئىشلىرىنى ئىنكار قىلغان، لېكىن كاتولىك دىنىنىڭ روھانىيلىق تۈزۈمىنى ۋە باشقا كۆپ مۇراسىملىرىنى ساقلاپ قالغان.

ئوتتۇز زالىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى

  • ئوتتۇز زالىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى[يەشمىسى:] 30 ساختا پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىلادىدىن 404 يىل ئىلگىرى پېلوپوننىس ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندا ئافىنادا قۇرۇلغان ئولىگارخ ھاكىمىيىتى. ئافىنا شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان سپارتانىڭ باش سەردارى لەيسەندېنىڭ قوللىشى بىلەن، كىرىتىئاس بىلەن تىرامىنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان 30 چوڭ ئاقسۆڭەك ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، رەھىمسىز ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. زاسىداتېللارغا دۆلەت خەزىنىسىدىن بېرىلىدىغان ياردەم پۇلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تولۇق ھوقۇقلۇق پۇقرالارنىڭ سانىنى 3000 (ھەممىسى مۈلۈكدارلار) بىلەن چەكلىگەن، تېررورلۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، دېموكراتلارنى ھەدەپ تۇتۇپ ئۆلتۈرگەن ۋە قوغلاپ چىقارغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە مال-مۈلۈكلەرنى زورلۇق بىلەن مۇسادىرە قىلغان، ئالۋان-ياساق يىغىۋالغان. تاشقى جەھەتتە سپارتا بىلەن دەرھال سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ ھۆكۈمرانلىق سەككىز ئاي داۋام قىلغان، خەلق ئاممىسى بۇنىڭدىن قاتتىق نەپرەتلەنگەن. كېيىن «30 ئادەم»نىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلگۈنچىلىك پەيدا بولغانلىقتىن ئۇنىڭ ئۈستىگە سپارتا دۆلىتىدە ئىچكى ماجىرا (لەيسەندې قايتۇرۇلغان) تۇغۇلغانلىقتىن، تېبېس (Thebes)تا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئافىنالىق دېموكراتىيىچىلەر قوزغىلىپ ئولىگارخ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. مىلادىدىن 403 يىل ئىلگىرى ئېراسۇبۇلۇس باشچىلىقىدىكى دېموكراتلار ئافىنادا ھوقۇق تۇتقان.

ئوتتۇز يىللىق ئۇرۇش

  • ئوتتۇز يىللىق ئۇرۇش[يەشمىسى:] 1618-يىلىدىن 1648-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ياۋروپا تارىخىدا يۈز بەرگەن گېرمانىيە ئاساسىي ئۇرۇش مەيدانى قىلىنغان، كۆلىمى ئەڭ زور بولغان تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق ئۇرۇش. گېرمانىيىدىكى پروتېستانت دىنىدىكى بەگلىكلەر بىلەن دانىيە، شۋېتسىيە، فرانسىيە بىر تەرەپ بولۇپ، گوللاندىيە، ئەنگلىيە ۋە روسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن؛ مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى، گېرمانىيە كاتولىك دىنىدىكى بەگلىكلەر ۋە ئىسپانىيە يەنە بىر تەرەپ بولۇپ، ئۇلار پاپا ۋە پولشانىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. پروتېستانت دىنى بىلەن كاتولىك دىنى ئوتتۇرىسىدىكى تالىشىش دېگەن بىرنېمە پەقەت بىر باھانىدىنلا ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە پادىشاھ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتمەكچى بولغان بولسا، پروتېستانت ۋە كاتولىك دىنلىرىدىكى بەگلىكلەر ئۆز زېمىنىنى كېڭەيتمەكچى بولغان، بىرقانچە چوڭ دۆلەت شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تاجاۋۇز قىلغان.1618-يىل 5-ئاينىڭ 23-كۈنى پراگادا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. ئامما ئوردىغا بېسىپ كىرىپ، خان جەمەتىدىكى بىرنەچچە ئەمەلدارنى ئوردا دېرىزىسىدىن سىرتقا تاشلىۋەتكەن (تارىختا «دېرىزىدىن تاشلىنىش ۋەقەسى» دەپ ئاتىلىدۇ). ئۇرۇش شۇنىڭ بىلەن باشلىنىپ، تۆت باسقۇچقا بۆلۈنگەن: بىرىنچى، چېخوسلوۋاكىيە-پفالز باسقۇچى (1618 — 1624): «دېرىزىدىن تاشلىنىش ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن، چېخوسلوۋاكىيە ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئىككىنچى يىلى گېرمانىيە پروتېستانت دىنىي ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى، پفالز پالاتىناتېنىڭ پادىشاھ سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بېگى فېرېدىرىخ Ⅴ چېخوسلوۋاكىيىنىڭ كورۇلى بولۇپ سايلانغان. 1620-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى فېرناندۇ Ⅱ گېرمانىيە كاتولىك ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىگە تايىنىپ چېخوسلوۋاكىيىنى مەغلۇپ قىلغان. پفالز ئىسپانىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. ئىككىنچى، دانىيە باسقۇچى (1625 — 1629): 1625-يىلى، دانىيىنىڭ كورۇلى خرىستىئانⅣ(ChristianⅣ) فرانسىيە ۋە ئەنگلىيىنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن قوشۇن باشلاپ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ۋە گېرمانىيە كاتولىك ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان ۋە ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، 1629-يىلى «لوپىك شەرتنامىسى» نى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ ئىشلىرىغا قايتا ئارىلاشماسلىققا ۋەدە بەرگەن. ئۈچىنچى، شۋېتسىيە باسقۇچى (1630 — 1635):1630-يىلىنىڭ ياز پەسلى، شۋېتسىيىنىڭ كورۇلى گوستاۋ. ئادولف ئەسكەر چىقىرىپ پومېرانىيىنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىنلا جەنۇبىي گېرمانىيىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن ۋە 1632-يىلى كاتولىك ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 1634-يىلى، شۋېتسىيە كورۇلىنىڭ قوشۇنى ۋە ئىسپانىيە قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. تۆتىنچى، فرانسىيە-شۋېتسىيە باسقۇچى (1635 — 1648): 1635-يىلى، فرانسىيە كاتولىك دىنى بىرلەشمە ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئۇرۇش مەيدانى يەنىلا گېرمانىيە بولۇپ، ئىسپانىيە، ئىتالىيە ۋە نېدېرلاندىيىدىمۇ ئۇرۇش بولغان. فرانسىيە ۋە شۋېتسىيە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغانلىقتىن، فىرناندو Ⅲ سۈلھ تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، 1648-يىلى «ۋېستىفالىيە سۈلھ شەرتنامىسى» تۈزۈلگەن. 30 يىللىق ئۇرۇش گېرمانىيىنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىنى قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى غايەت زور زىيانغا ئۇچراتقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گېرمانىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى بۆلۈنۈشى يەنىمۇ كۈچەيگەن.

ئوججايىنى

  • ئوججايىنى[يەشمىسى:]Ujjayini) مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن Ⅴ ئەسىرگىچە قەدىمكى ھىندىستاندىكى 16 بەگلىكنىڭ بىرى بولغان ئاۋانتى (Avanti) بەگلىكى پايتەختىنىڭ خارابىسى. بۈگۈنكى مەركىزىي شتات ئوجايىن شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا. 1955 — 1959-يىللىرى قېزىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 750 — 500-يىللىرىغا ئائىت مەدەنىيەت قاتلىمىدىن قىزىل رەڭلىك قارا گىرۋەكلىك ساپال قاچا، قىزىل ساپال يالىتىلغان نەپىس ساپال ئەسۋابلار، يىرىك ساپالدىن ئىشلەنگەن ئەسۋابلار قېزىۋېلىنغان. دەسلەپكى دەۋرلەردە تۆمۈر قوراللارنى ئىشلەتكەن. كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئاھالىلەر رايونىدا جەنۇبتىن شىمالغا تەخمىنەن ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم كىلومېتر، شەرقتىن غەربكە بىر كىلومېتر، ئېگىزلىكى 13 مېتر كېلىدىغان شەھەر سېپىلى بولۇپ، سېپىلنىڭ سىرتىغا خەندەك كولانغان. سېپىلنىڭ ئاستىدىن رەڭدار كۈل رەڭ ساپال قاچىلار قېزىۋېلىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 500 — 200-يىللاردىكى مەدەنىيەت قاتلىمىدىن، شىمالنىڭ قارا رەڭلىك سىپتا ساپال قاچىلىرى، سۆڭەك باشلىق ئوقيا، تامغا، تۆمۈر قوراللار، ساپالدىن ياسالغان ھەيكەل قاتارلىق نەرسىلەر تېپىلغان. قۇرۇلۇشلار خام كېسەك ۋە پىششىق خىشتىن سېلىنغان. يەنە زور ھەجىملىك سۇ ساقلاش كۆلچىكى ۋە قاناللار قېزىلغان.

ئوچۇق يەر تۈزۈمى

  • ئوچۇق يەر تۈزۈمى[يەشمىسى:] ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى بىر خىل يەر ئىشلىتىش ئادىتى. يەنى فېئودال خوجىلىق يەر ئىگىلىرىنىڭ يېرى (بىۋاسىتە خوجىلىق يەر دەپمۇ ئاتالغان) بىلەن دېھقانلارنىڭ ئۈلۈش يېرى ئەتىيازدا تېرىلىدىغان يەر، كۈزدە تېرىلىدىغان يەر ۋە شۈدىگەر قىلىنغان يەردىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنۈپ، سالا ئېتىز قىلىنغان ھەمدە ھەر يىلى نۆۋەت بويىچە ئالماشتۇرۇپ تېرىلغان. شۈدىگەر قىلىنغان يەرلەرنىڭ ھەممىسى يايلاق قىلىنىپ، جامائەت تەرىپىدىن ئورتاق ئىشلىتىلگەن. تېرىلغۇ يەرلەر، مەيلى ئۇ بىۋاسىتە خوجىلىق يەر ياكى دېھقانلارنىڭ ئۈلۈش يېرى بولسۇن، ھوسۇلىنى يىغىۋالغاندىن تارتىپ يەنە بىر قېتىم تېرىغانغا قەدەر، ئېتىز چېگرىسىدىكى قاشالار ئېلىۋېتىلىپ يايلاق قىلىپ ئورتاق ئىشلىتىلگەن. ئوچۇق يەر تۈزۈمىنىڭ قالدۇقى يېقىنقى زامانغىچە ساقلانغان، ئەنگلىيىدە تاكى Ⅹ[KG-*2]Ⅸ ئەسىرگىچە داۋاملاشقان.

ئوخاياخى تاكىچى

  • ئوخاياخى تاكىچى[يەشمىسى:]1903 — 1933) ياپونىيىلىك يازغۇچى، ئوتارو ئالىي سودا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. خوككايدو تەرەققىيات بانكىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولغان. 1931-يىلى ياپونىيە كومپارتىيىسىگە قاتناشقان. ياپونىيە پرولېتارىيات يازغۇچىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سېكرىتارى بولۇپ، مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ تەشكىلىي خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. 1933-يىل 2-ئاينىڭ 20-كۈنى خائىننىڭ پاش قىلىشى بىلەن توكيودا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. شۇ كۈنى ئاخشىمى قاتتىق ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدىن «قىسقۇچپاقا تۇتقۇچى كېمە» ناملىق پوۋېستتا كاپىتالىستلارنىڭ دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيىسى ئۈستىدە شىكايەت قىلىنىپ، ياپونىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ باتۇرانە كۈرىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ «يەر ئاستى پارتىيە ئەزاسى» ناملىق پوۋېستتا جاھانگىرلىكنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى پاش قىلىنىپ، ياپونىيە كوممۇنىستلىرىنىڭ جەڭگىۋار تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن. باشقا ئەسەرلەردىن «1928-يىلى 15-مارت كۈنى»، «باشقا يۇرتتا تۇرۇۋاتقان پومېشچىك»، «جاۋۋىي يېزىسى»، «زاۋۇت ياچېيكىسى»، «تەشكىلاتچى» قاتارلىق پوۋېستلار بار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ياپونىيە ئىنقىلابىي ئەدەبىياتىغا بولغان تەسىرى ناھايىتى زور. كېيىن «ئوخاياخى تاكىجى ئەسەرلىرى» دىن 12 توم نەشىر قىلىنغان.

ئوخشاش قىساس ئېلىش

  • ئوخشاش قىساس ئېلىش[يەشمىسى:] ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە مەيدانغا كەلگەن بىر خىل قىساس ئېلىش ئۇسۇلى. قىساس ئالغۇچىلار قىلغىنىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن دائىم قارشى تەرەپنى تەڭ دەرىجىدە زەخىملەندۈرگەن، يەنى «قانغا قان، جانغا جان» ئالغان. بۇ ئادەت قەدىمكى زاماندىكى سىنىپىي جەمئىيەتتە ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. قۇللۇق جەمئىيەتنىڭ يازما قانۇنلىرىدا، ئالايلۇق، قەدىمكى بابىلوننىڭ «خاممۇرابى قانۇنى» (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ[KG-*2]Ⅷ ئەسىر) نىڭ 196، 197، 200-ماددىلىرى ۋە قەدىمكى رىمنىڭ «12 پارچە مىس تاختا قانۇنى» (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىر) نىڭ 8-تاختىسىدىمۇ ئوخشاش زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈش ۋە جازالاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بولغان. بۇ، قۇللۇق جەمئىيەت قانۇنلىرىنىڭ ئىپتىدائىيلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئوخىراما سايوشى

  • ئوخىراما سايوشى[يەشمىسى:]1910— 1980) ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1978 — 1980). ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ لىدىرى (1978 — 1980). كاگاۋا ناھىيىسىنىڭ مىتويو ۋىلايىتىدىكى تويوخاماچودا تۇغۇلغان. توكيو سودا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. خەزىنە ۋازارىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ خەزىنە ۋازارىتى پىلان ئىدارىسىنىڭ خوجىدارى، توكيو مالىيە ئىدارىسى ۋاسىتىلىك باج بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، خەزىنە ۋازارىتى ۋەزىرىنىڭ كاتىپى، خەزىنە ۋازارىتى پىلان ئىدارىسىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئىش ھەققى ئىدارىسى ئۈچىنچى بۆلۈمنىڭ باشلىقى، ئىقتىسادىي ئەمىنلىك باش ئىدارىسى جامائەت ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1952-يىلدىن باشلاپ، 11 قېتىم ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىگە كىرگەن. ئىكېدا ئىچكى كابىنېتنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى باشلىقى (1960 — 1962) ۋە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1962 — 1964)؛ ساتو ئىچكى كابىنېتىدا سودا-سانائەت ۋەزىرى (1968 — 1970)؛ تاناكا ئىچكى كابىنېتىدا تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1972 — 1974) ۋە خەزىنە ۋازارىتى ۋەزىرى (1974)؛ مىكى ئىچكى كابىنېتىدا خەزىنە ۋازارىتى ۋەزىرى (1974 — 1976) بولغان. 1976-يىلى 12-ئايدا، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى بولغان. 1979-يىلى 12-ئايدا، ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلىپ، ۋەزىپە ئۆتەش داۋامىدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. جۇڭگونى ئۈچ قېتىم (1972-، 1974-، 1979-يىللاردا) زىيارەت قىلغان. «جۇڭگو-ياپونىيە بىرلەشمە باياناتى» ۋە «ياپونىيە-جۇڭگو سودا كېلىشىمى» نى ئىمزالاشقا قاتناشقان، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان.

ئودازاكى كويې

  • ئودازاكى كويې[يەشمىسى:]1867 — 1903) ياپونىيىلىك يازغۇچى. ئەسلى ئىسمى ئىسائوتارو، تەخەللۇسى جۇسېنمان دو. 1885-يىلى ياماتاشىمى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ساۋاقداش دوستلار جەمئىيىتىنى تەشكىللەپ، «كارىئو ئەسەرلەر خەزىنىسى» ژۇرنىلىنى چىقارغان. 1889-يىلى «دومەي خەۋەرلىرى گېزىتى» نىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە قاتنىشىپ، دائىم بۇ گېزىتتە ھېكايىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇسلۇب جەھەتتە ئىخارا سايكاكۇنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. «ئالتۇن رەڭلىك ياكسا» دېگەن رومانىدا كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى جازانە ئېكسپىلاتاتسىيىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇ مېيجى يىللىرىنىڭ دەسلىپىدىكى مەشھۇر رېئالىزملىق رومان ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە «خۇش پۇراق ياستۇق»، «ئۈچ ئادەمنىڭ خوتۇنى»، «زۇۋان سۈرمەسلىك»، «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» قاتارلىق پوۋېست، رومانلارنى يازغان.

ئودوئاك

  • ئودوئاك[يەشمىسى:]Odoacar ياكى Odovacer، تەخمىنەن 434 — 493) رىم ئىمپېرىيىسى ياللانما قوشۇنىنىڭ ئاتامانى. گېرمان. راۋېننادا تۇرغان، گۋاردىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. مىلادى 476-يىلى، غەربىي رىم ئىمپېراتورى رومۇلۇس ئاۋگۇستۇلۇس (Romulus Augustulus،475— 476-يىللىرى تەختتە تۇرغان) نى بىكار قىلىپ، ئىتالىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تارتىۋالغان. تارىختا ئۇ قۇرغان دۆلەت ئودوئاك پادىشاھلىقى دەپ ئاتالغان. بۇ ۋەقە ئەنئەنىۋى تارىخ تۈزۈش ئىلمىدە، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ يوقىلىشى ۋە قەدىمكى قۇللۇق جەمئىيەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى قىلىپ بېكىتىلگەن. دەسلەپتە ۋىزانتىيە ئىمپېراتورىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. كېيىن شەرقىي گوتلارنىڭ سەردارى تېئودورىك بىلەن ئۇرۇشۇپ، راۋېننادا ئۈچ يىل مۇھاسىرە قىلىنىپ، شەرت قويۇپ (تېئودورىك بىلەن بىللە شاھ بولۇش) تەسلىم بولغان (493). كېيىن تېئودورىك تەرىپىدىن تەبرىكلەش زىياپىتىدە ئۆلتۈرۈلگەن.

ئودېر-نىسا دەرياسى سىزىقى

  • ئودېر-نىسا دەرياسى سىزىقى[يەشمىسى:] سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئۈچ دۆلەت 1945-يىلى 8-ئايدا «پوتىسدام كېلىشىمى»دە بېكىتكەن پولشا-گېرمانىيە دۆلەت چېگرىسى. كېلىشىمدە پولشانىڭ غەربىي چېگرىسى ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا بېكىتىلىشتىن ئىلگىرى، بۇرۇنقى گېرمانىيىنىڭ شەرقىي قىسىم زېمىنى، يەنى سۋىنېمۇندې (Swinemūnde، ھازىرقى پولشانىڭ سۋىنوئۇيىمىكى Swinoujscic —) نىڭ غەربىدىكى بالتىق دېڭىز بويى ئودېر دەرياسىدىن ئۇنىڭ نىسا دەرياسى بىلەن قوشۇلىدىغان قىسمىغىچە، ئاندىن غەربىي نىسا دەرياسىنى بويلاپ چېخوسلوۋاكىيە چېگرىسىنىڭ شەرقىغىچە پولشا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 1950-يىلى 7-ئايدا پولشا بىلەن گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى پولشانىڭ زگورزېلېس (Zgorzelec) دېگەن جايىدا كېلىشىم ئىمزالاپ، ئودېر — (غەربىي) نىسا دەرياسىنى ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرىسى دەپ ئېتىراپ قىلغان. پولشا بىلەن گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى1970-يىلى 12-ئايدا ۋارشاۋادا ئىمزالىغان ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى شەرتنامىدىمۇ بۇ سىزىق پولشانىڭ غەربىي قىسىم دۆلەت چېگرىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. 

ئودىسسېئۇس

  • ئودىسسېئۇس[يەشمىسى:]Odysseus) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى قەھرىمان، ئىتاكا (Ithaca، ئوتتۇرا يۇناننىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا) ئارىلىنىڭ پادىشاھى. لاتىنچە Ulysses دەپ ئاتىلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، باش خۇدا زىۋىسنىڭ نەۋرىسى لائېرتېس (Laertes) نىڭ ئوغلى. يۇناننىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنىغا قاتناشقان، ئۇ ھەم پاراسەتلىك، ھەم جاسارەتلىك بولۇپ، ئەقىل كۆرسەتكۈچى دەپ ئاتالغان. ترويا ئۇرۇشىدا نۇرغۇن قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن، بولۇپمۇ «ياغاچ ئات ھىيلىسى» نى ئويلاپ تېپىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ترويا شەھىرىنى ئالغانلىقى بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇرۇشتىن كېيىن قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىدە، دېڭىزدا ئون يىل سەرسان بولۇپ يۈرۈپ،خىلمۇخىل جاپا-مۇشەققەتلەرنى ۋە ئاجايىپ سەرگۈزەشتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن، جۈملىدىن بىر كۆزلۈك گىگانت ئادەم پولىفېمۇس (Polyphemus) ئارىلىدىكى خەتەردىن قۇتۇلغان؛ شامال خۇداسى ئائېئولۇس (Aeolus) نىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي، «كوھقاپ» نىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قويۇپ، جاپا تارتقان؛ ئايال سېھىرگەر سېرىسې (Circe) نىڭ ئارىلىدا ھەمراھلىرى توڭگۇزغا ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان. ئۇ جەھەننەمگە بېرىپ، قارىغۇ ھۆكۈما تىرېسىئاس (Tiresias) تىن كېلەچىكىنى سۈرۈشتۈرگەن، دېڭىز ئالۋاستىسى سىرېنىس (Sirens) نىڭ كىشىنى ئازدۇرىدىغان ناخشا ئاۋازىنى ئۇستىلىق بىلەن توسۇپ ئاڭلاشنى رەت قىلغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى يالغۇز پەرىزات كالىپسو (Calypso) تەرىپىدىن يەتتە يىل قالدۇرۇلغان، بەختكە يارىشا ئىلاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئىتاكا ئارىلىغا قايتىپ كېلىپ، ئوغلى تېلېماكۇس (Telemachus)بىلەن تونۇشقان، ئايالى پېنېلوپې (Penelope) غا تەلەپ قويغانلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئائىلىدىكى ھەممەيلەن يېڭىباشتىن جەم بولغان. گومېرنىڭ «ئودىسسا» («ئودىسسېئۇسنىڭ سەرگۈزەشتىسى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) داستانىدا ئودىسسېئۇس باش قەھرىمان قىلىنغان. 

ئودوننېل

  • ئودوننېل[يەشمىسى:]Leopoldo Odonnelly Jorris، 1809 — 1867)؛ ئىسپانىيە باش ۋەزىرى (1856 ، 1858 — 1863، 1865 — 1866). تىتۇئان كىنەزى. چوڭ بيۇروكرات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كارلوسچىلارغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. سىياسىي جەھەتتە «تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى» نىڭ ئوڭ قانىتىغا تەۋە بولغان. 1840-يىلى فرانسىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1841-يىلى پامپلونا (Pamplona) دا ئېسپارتېروغا قارشى ئەمەلگە ئاشمىغان قوزغىلاڭغا قاتناشقان، كېيىن يەنە چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1843-يىلى ئېسپارتېرو ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن. 1844 — 1848-يىللاردا كۇبا باش ۋالىيسى بولغان. ئىسپانىيىنىڭ 1854— 1856-يىل ئىنقىلابىدا ئېسپارتېرو باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتكە قاتنىشىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1856-يىلىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە رەھبەرلىك قىلغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، ئىنقىلاب ۋاقتىدا قۇرۇلغان مىللىي ساقچى قىسىملىرىنى تارقىتىۋەتكەن؛ ئەيسا جەمئىيىتى مۇرىتلىرىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يېڭىباشتىن رۇخسەت قىلغان (1835-يىلى چەكلەنگەنىدى)؛1859-يىلى ماراكەشكە تاجاۋۇز قىلغان؛ ئاندالۇسىيە (Andalucia) دېھقانلار ھەرىكىتىنى ئۇجۇقتۇرغان ھەمدە ئەنگلىيە، فرانسىيىلەر بىلەن مېكسىكىغا بىرلىكتە مۇداخىلە قىلىش كېلىشىمىنى تۈزگەن.

ئوراكلې

  • ئوراكلې[يەشمىسى:]Oracle) قەدىمكى گرېتسىيىدە تەڭرى ۋەھىيسىنى جاكارلايدىغان سورۇن. قەدىمكى گرېكلاردا تەڭرىلەردىن ئىجازەت سورايدىغان ئادەت بولۇپ، مەيلى دۆلەتنىڭ ئۇرۇش ۋە تىنچلىقى قاتارلىق چوڭ ئىشلاردا بولسۇن ياكى ئائىلىدىكى شەخسىي ئىشلاردا بولسۇن، بىرەر مۈشكىلاتقا يولۇققاندا تەڭرىلەرگە ئىلتىجا قىلىنغان. گرېتسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بۇتخانىلاردا ئوراكلې تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭ ئىچىدە مەشھۇرلىرىدىن: فوسېس (گرېتسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى) نىڭ دېلفويدىكى ئاپوللون ئوراكلې، ئېپرۇس (گرېتسىيىنىڭ شىمالىي قىسمى) دىكى دودونا (Dodona) ئوراكلې قاتارلىقلار بار. تەڭرىنىڭ ۋەھىيسىنى جاكارلاش ئۇسۇللىرى تامامەن ئوخشىشىپ كەتمىسىمۇ، لېكىن كاھىنلار (تەڭرىنىڭ ۋەكالەتچىسى) نىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىشلارغا ئارىلىشىش ۋاسىتىسى (سىياسىي، ھەربىي قاتارلىق مۇھىم ئىشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان. تەڭرىنىڭ ۋەھىيسى كۆپىنچە ئىككى تايىن مۈجمەل بولغان. مەسىلەن: لىدىيە (كىچىك ئاسىيا) پادىشاھى كروئىسوس پېرسىيە پادىشاھى كۇرۇشقا قارشى ئۇرۇش باشلاشتىن ئاۋۋال، دېلفوي-ئوراكلېدىن ياخشىلىق ياكى شۇملۇقتىن بېشارەت بېرىشنى ئىلتىجا قىلغان، خۇدا ئاپوللوننىڭ ئايال كاھىنى كىروئىسوسقا ئۇنىڭ «بىر بۈيۈك ئىمپېرىيىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقى»نى ئۇقتۇرغان. كېيىن كىروئىسوس ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان (مىلادىدىن 546 يىل ئىلگىرى) ھەمدە كۇرۇشنىڭ رۇخسىتى بىلەن ۋەكىل ئەۋەتىپ، تەڭرىنىڭ ئۇنى ئالدىغان ياكى ئالدىمىغانلىقىنى سوراپ باقماقچى بولغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئايال كاھىن بىر ئىمپېرىيىنى ۋەيران قىلىدۇ دېگەن خاتا ئەمەس، ئەپسۇسكى كىروئىسوس زادى «قايسى ئىمپېرىيىنى كۆرسەتكەن، كۇرۇشنىمۇ ياكى ئۆزىنىڭ ئىمپېرىيىسىنىمۇ» دەپ ئېنىق سورىمىغان دەپ جاۋاب بەرگەن. كىروئىسوس سەۋەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

ئورانگې ئەركىن شتاتى

  • ئورانگې ئەركىن شتاتى[يەشمىسى:] ئافرىقا ئورانگې ئەركىن شتاتى (Afrikaans Orange Vrystaat) دەپمۇ ئاتالغان. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بۇرلار جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، جەنۇبتا ئورانگې دەرياسىدىن باشلىنىپ، شىمالدا ۋائال دەرياسىغىچە سوزۇلغان. ئەسلىدە بېچۇئانا (Bechuana) لىقلار ۋە زۇلۇلار ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، Ⅹ[KG-*2]Ⅳ ئەسىرنىڭ بېشىدا ياۋروپالىق دىن تارقاتقۇچىلار كىرىشكە باشلىغان، تەخمىنەن 1828-يىلى بۇر دېھقانچىلىق مەيدان ئىگىلىرى سىڭىپ كىرىپ، بىرقانچە ئۇششاق تايانچ بازىلارنى قۇرغان. 0481 - 6381-يىللاردا بۇرلار كۆپلەپ بېسىپ كىرىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، ۋىنبۇرگ (Winburg) تا جۇمھۇرىيەت قۇرغان. 1848-يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنىپ، ئەنگلىيىگە قاراشلىق ئورانگې ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلىتى قۇرۇلغان، 1854-يىلى ئەنگلىيە بۇرلار بىلەن «بلو ئېمفونتېئىن (Bloemfontein) كېلىشىمى» نى تۈزگەندىن كېيىن، مۇستەقىللىكى ئەسلىگە كېلىپ، ئورانگې ئەركىن شتاتى دەپ ئاتالغان. 1900-يىلى 5-ئايدىكى ئەنگلىيە-بۇر ئۇرۇشىدا يەنە ئەنگلىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنىپ، ئورانگې دەرياسى مۇستەملىكىسى دەپ ئاتالغان. 1907-يىلى ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. 1910-يىل 5-ئاينىڭ 31-كۈنى جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان. 

ئوران ئۇرۇشى

  • ئوران ئۇرۇشى[يەشمىسى:] مىرىسكبىر ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتالغان. 1940-يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئەنگلىيە-فرانسىيە دېڭىز فلوتىنىڭ گېرمانىيىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئوران قاتارلىق پورتلاردا فرانسىيە دېڭىز فلوتىنى چۆكتۈرۈۋەتكەن ھەربىي ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ. فرانسىيە مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە دېڭىزنى كونترول قىلىش ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، فرانسىيە دېڭىز فلوتىنىڭ ئەنگلىيىگە كېلىشىنى تەلەپ قىلغان، ۋىش ھۆكۈمىتىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە 1940-يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى شەرتلىك بەلگىسى «قونداقلىق يا» دېگەن ھەربىي ھەرىكەتنى قوللىنىپ، ئالجىرىيىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى مىرىسكبىر (ھازىرقى ئوۋاخران، ئوران دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە باشقا پورتلاردا تۇرغان فرانسىيە دېڭىز فلوتىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، پاراخوتلىرىنىڭ تولىسىنى چۆكتۈرۈپ ۋە ئېغىر زەخىملەندۈرۈپ، تەخمىنەن 1300 نەپەر فرانسىيە ماتروسىنى ھاياتىدىن ئايرىغان. 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىدىكى پورتلاردا توختىغان فرانسىيە پاراخوتلىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلغان. ئەتىسى فرانسىيىنىڭ ۋىش ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئوران ئۇرۇشى ئەنگلىيىنى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە گېرمانىيىگە نىسبەتەن دېڭىزدىكى ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.

ئورتاق دۈشمەن توغرىسىدىكى پەرمان

  • ئورتاق دۈشمەن توغرىسىدىكى پەرمان[يەشمىسى:] مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، كاللىسىنى ئېلىش پەرمانىمۇ دېيىلىدۇ. قەدىمكى رىمنىڭ «ئىچكى ئۇرۇش» مەزگىلىدە (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىردە) ھۆكۈمران گۇرۇھلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر خىل كۈرەش ۋاسىتىسى. لاتىنچە Proscribere (پىئېل بولغاندا) دېگەن سۆز بولۇپ، مەنىسى «ئوچۇق پەرمان» دېگەنلىك. يەنى، مەلۇم ئادەمنىڭ قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدىغانلىقىنى ئوچۇق جاكارلاش، دېگەنلىك. ئەسلىدە Proscriptio (ئىسىم بولغاندا) دېگەن سۆز «قارا تىزىملىك» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەرنى (جۈملىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى) ھەرقانداق كىشى (ھەتتا قۇللارمۇ) ئۆلتۈرۈۋەتسە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلماسلىق ھوقۇقى بولىدۇ ھەمدە مۇكاپاتقا ۋە ئۆلگۈچىنىڭ بىر قىسىم مال دۇنياسىغا ئىگە بولىدۇ. ئۆلتۈرگۈچى قۇل بولسا ئازادلىققا ئېرىشىدۇ. ئۆلگۈچىنىڭ كاللىسى مەيدانغا ئېسىلىپ سازايى قىلىنىدۇ. مەسىلەن: مىلادىدىن 82 يىل ئىلگىرى مۇستەبىت سوللانىڭ بىر قېتىملىق ئورتاق دۈشمەن توغرىسىدىكى پەرمانى بىلەن 90 نەپەر سېنات ئەزاسى، 15 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار، 2600 نەپەر رىتسار ئۆلتۈرۈلگەن ۋە سۈرگۈن قىلىنغان. كائېسار سۇيىقەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن (مىلادىدىن 44 يىل ئىلگىرى) ئانتونىئوس ۋە ئاۋگوستوس ئېلان قىلغان ئورتاق دۈشمەن توغرىسىدىكى پەرمان داۋامىدا، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مال-مۈلۈكنى كۆزلەيدىغان ياكى شەخسىي ئىنتىقام ئالىدىغان ئەھۋاللار ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ غېمىدا قېلىپ، جەمئىيەت قالايمىقانلىشىپ كەتكەن. رىملىق تارىخشۇناس ئاپپىيانۇس بۇنى «ئىچكى ئۇرۇش» دەپ ئاتىغان. مەنىسى «گراژدانلار ئۇرۇشى» دېگەنلىك. ئورتاق دۈشمەن توغرىسىدىكى پەرمان بولسا، ئۇنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىش شەكلىدىن ئىبارەت.

ئورتاق قانۇن

  • ئورتاق قانۇن[يەشمىسى:] ئومۇمىي قانۇن دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. ئەنگلىيىدىكى ئوتتۇرا ئەسىر قانۇنلىرىنىڭ بىر خىلى، Ⅻ ئەسىردىن Ⅹ[KG-*2]Ⅴ ئەسىرگىچە ئەۋج ئالغان. ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىⅠ (HenryⅠ،1068 — 1135) تەختتىكى مەزگىلدە (1100- 1135)، خانلىق سوت دائىم سەييارە سوتچىلارنى ۋىلايەتلەرگە ئەۋەتىپ، ئەنزىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغۇزغان ھەمدە يەرلىك ئاھالىلەر (زاسىداتېل) نى زاسىداتېللىق قىلدۇرغان، كېيىن يىغىلغان دېلو تىپلىرىنى رەتلەپ، ئورتاق قانۇننى شەكىللەندۈرگەن. ئۇ بارا-بارا جايلارنىڭ ئادەت قانۇنىنى چەتكە قېقىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە رىئايە قىلىدىغان قانۇنغا ئايلانغان، نەتىجىدە، ئەدلىيە تۈزۈمى جەھەتتە يەرلىك فېئوداللارنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلىتىپ، مونارخىيىلىك ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن.

ئورتاقلىق قانۇنى

  • ئورتاقلىق قانۇنى[يەشمىسى:]چاۋشيەندە لى سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ماددىي نەرسە بىلەن تۆلىنىدىغان باج تۈزۈملىرىنىڭ بىرى. ئولپان ئېلىش ئاشلىق تاپشۇرۇشقا ئۆزگەرتىلگەنلىكتىن مۇشۇ تۈزۈم بولۇپ شەكىللەنگەن. لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا جايلارنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى يىغىپ ئوردىنى ۋە مەركەزدىكى مەھكىمىلەرنى تەمىنلەش يۈزىسىدىن ئولپان تۈزۈمى يولغا قويۇلغانىدى. 1594-يىلى (شۇەنزۇ 27-يىلى) ئولپان تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، ئاشلىق ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ھەر جيې يەردىن ئىككى كۈرە ئاشلىق ئېلىنىپ پايتەختكە يەتكۈزۈلۈپ تۇراتتى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ تۈزۈممۇ بىكار قىلىنغانىدى. 1608-يىلى (پادىشاھ گۇاڭخەي تەختكە چىققان يىلى) خەن بوجيەننىڭ تەكلىپى بىلەن، ئادەتتىكى ئولپاننى ئاشلىققا سۇندۇرۇپ يىغىۋېلىش يولغا قويۇلغان، بۇ ئورتاق ئاشلىق دەپ ئاتالغان. بۇنىڭدا مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: ھەر جيې يەردىن ئەتىياز پەسلىدە سەككىز كۈرە، كۈز پەسلىدە سەككىز كۈرە جەمئىي 16 كۈرە ئاشلىق ئېلىنىپ، بۇنىڭدىن ئون كۈرىسى پايتەختتىكى ئوردىغا ۋە مەھكىمىلەرگە تاپشۇرۇلىدۇ، ئالتە كۈرە يەرلىك يامۇللارغا ئاجرىتىپ بېرىلىدۇ، كېيىن ھەر جيې يەردىن 12 كۈرە ئاشلىق ئېلىشقا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ قانۇن ئاۋۋال جىڭجىدا يۈرگۈزۈلگەن. رىنزو، شياۋزۇڭ، شيەنزۇڭ، شاۋزۇڭ دەۋرلىرىدە جياڭيۈەن، جۇڭچىڭ، چۈەنلۇ، چىڭشاڭ ئۆلكىلىرىگىچە كېڭەيگەن. خۇاڭخەي، پىڭئەن، شيەنجىڭ ئۆلكىلىرىدە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تۆۋەن بولغاچقا، ئورتاقلىق قانۇنىنى ئەھۋالغا قاراپ يۈرگۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنغان. تاغلىق رايونلاردا ئاشلىق ئورنىغا پاختا رەخت ئېلىنغان. ئورتاقلىق قانۇنى پەقەت ئادەتتىكى دائىملىق ئولپان ئورنىدىلا ئىجرا قىلىنىپ، باشقا ئولپانلار بۇرۇنقىدەكلا ئېلىنىپ تۇرغان. ئورتاقلىق ئاشلىقى يەر ئىجارىسىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ بولغان. فېئودال ئېكسپىلاتاتسىيە شۇنىڭ بىلەن ئېغىرلاشقان. ئەمما ئورتاقلىق قانۇنى تاۋار ئوبوروتى ۋە سودىگەرلەرنىڭ كاپىتال پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەلۇم رول ئوينىغان.1894-يىلىدىكى جاۋۇ ئىسلاھاتىدا پۇل تاپشۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئورتاقلىق قانۇنى بىكار قىلىنغان. 

ئورتېگا

  • ئورتېگا[يەشمىسى:]Jose Ortega y Gasset، 5591 - 3881). ئىسپانىيىلىك پەيلاسوپ. دەسلەپتە مادرىد داشۆسىدە ئوقۇغان، كېيىن گېرمانىيىگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان. 1910-يىلى مادرىد داشۆسىنىڭ پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان. «ئىسپانىيە»، «غەرب ئوبزورى» قاتارلىق ژۇرناللارنى تەسىس قىلغان. دې رىۋېرا ئىستىبداتلىقنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، داشۆ پروفېسسورلۇقىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1931-يىلى 2-ئايدا «جۇمھۇرىيەتكە سادىق گۇرۇپپا» نى ئۇيۇشتۇرغان. كېيىن جۇمھۇرىيەت پارلامېنتى ئەزاسى بولغان. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، فرانسىيە، گوللاندىيە، ئارگېنتىنا ۋە پورتۇگالىيىلەردە مۇھاجىر بولۇپ ياشىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن. 1948-يىلى مادرىدتا گومانتارلىق شۆيۈەنىنى قۇرغان. ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى ماربۇرگ ئېقىمىدىكى يېڭى كانتچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇ ھەر خىل ئىستىئارىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئىپادىلەپ بېرىشكە مايىل بولغانلىقى ئۈچۈن، مەشھۇر تىل سەنئەتكارى دەپمۇ قارالغان. ئاساسىي ئەسەرلىرى «دونكىخوت ھەققىدە مۇلاھىزە»، «ئاجىز-ئىقتىدارسىز ئىسپانىيە»، «زامانىمىزدىكى ئاساسىي تېما»، «ئاممىنىڭ قارشىلىقى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئالتە توملۇق ئەسەرلەر توپلىمى بار. 

ئورخان

  • ئورخان[يەشمىسى:]Orhan ياكى1288- 1359 Orhan) ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانى. ئوسماننىڭ ئوغلى. 1326-يىلى دادىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئەمىر بولغان. شۇ يىلى ۋىزانتىيىنىڭ قولىدىن بۇرسا (Bursa)نى تارتىۋېلىپ، پايتەخت قىلغان. 1329-يىلى پېلېكانوندا (Pelecanon) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى ئاندرونىكۇسⅢ (AndronicusⅢ،1328- 1341)نى مەغلۇپ قىلغان. كەينىدىنلا نىسىيا (Nicasea، بۈگۈنكى ئىزنىك) ۋە نىكومېدىيە (Nicomedia، بۈگۈنكى ئىزمىر) نى ئىشغال قىلىپ، ۋىزانتىيىنىڭ كىچىك ئاسىيادىكى كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئىگىلىۋالغان. 1345-يىلى قوشۇنلىرىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ، جوئاننېس Ⅵ (كانتاكوزېنى) نىڭ ۋىزانتىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋېلىشىغا ياردەم بەرگەن، ئۇنىڭ قىزى تىئودورانى (Theodora) خوتۇنلۇققا ئالغان. 1354-يىلى گاللىپولىنى (Gallipoli، بۈگۈنكى گېلىبول) تارتىۋېلىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بالقان رايونىغا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىشتىكى تايانچ پونكىت قىلغان. 

ئوردا دەرۋازىسىدىكى ۋەقە

  • ئوردا دەرۋازىسىدىكى ۋەقە[يەشمىسى:] ياپونىيە توتگاۋا شوگونلۇقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ناگاسۇ ۋاسساللىقىنىڭ قوشۇنى بىلەن شوگنات قوشۇنىنىڭ پايتەختتىكى ئوردا دەرۋازىسى يېنىدىكى قوراللىق توقۇنۇشى. بۇ ئۇرۇش ناھايىتى شىددەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، گېيمېن دەرۋازىسىدىكى ۋەقە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1863-يىلىدىكى 18-ئاۋغۇست سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، ناگاسۇ ۋاسساللىقى گەرچە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈزلۈكسىز ھالدا كۈچ توپلاپ، پايتەختكە يۈرۈش قىلىش پۇرسىتىنى كۈتكەن. ئىكىدايا ۋەقەسىدىن كېيىن، ۋاسسال مورىجى پايتەختكە ئەسكەر تارتىشنى قارار قىلغان. 1864-يىلى يازدا فوكوخارا(1815— 1864) قاتارلىقلار كۇساكا قاتارلىق شوگناتقا قارشى گۇرۇھنىڭ سىياگونلىرى بىلەن بىرلىكتە 1600 نەپەر ئەسكەرنى باشلاپ شەرققە ئاتلانغان، 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كيوتونىڭ يېنىدىكى فۇجيەن، چەيئې، شەنچى قاتارلىق جايلارغا يېتىپ بارغان. خان ئوردىسى شوگنات باشلىقىنىڭ پىكرىگە بىنائەن ناگاسا ۋاسساللىقىنىڭ بېگىگە ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشنى بۇيرۇغان بولسىمۇ، ئەمما رەت قىلىنغان. 8-ئاينىڭ 20-كۈنى، كيوتودا، بولۇپمۇ ئوردىنىڭ توققۇز دەرۋازىسىنىڭ بىرى بولغان گېيمېن دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا، ناگاسۇ ۋاسساللىقىنىڭ قوشۇنى ئائىزۇ، كۇۋانا، سامو قاتارلىق ۋاسساللىقلارنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلغان. ئەمما ئازچىلىق كۆپچىلىككە تەڭ كېلەلمەي، ناگاسۇ قوشۇنى مەغلۇپ بولغان، كۇساكا قاتارلىقلار يارىدار بولۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، شوگنات «خانلىقنىڭ دۈشمەنلىرى» نى جازالاش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ناگاسۇغا ئىككى قېتىم جازا يۈرۈشى قىلغان. 

ئوردژونىكىدزې

  • ئوردژونىكىدزې[يەشمىسى:]Григорий Константинович (Серго) Орджоникидзе، 7391 - 6881)، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. گروزىن. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1905-يىلى ئىنقىلاب مەزگىلىدە تاشقى كاپكازدا پارتىيە خىزمىتى ئىشلىگەن. 1912-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا ۋە مەركىزىي كومىتېت روسىيە بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. بىرقانچە قېتىم قولغا ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنغان. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن پېتروگرادقا قايتىپ كېلىپ، ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ تەشكىلاتچىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. ئىنقىلاب غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، ئوكرائىنا ۋە جەنۇبىي روسىيىگە ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن خادىم بولغان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە غەربىي سەپ ۋە جەنۇبىي سەپلەردە قىزىل ئارمىيىنىڭ ئاقلار ئارمىيىسىگە قايتۇرما زەربە بېرىشىگە قوماندانلىق قىلغان. 0391 - 6291-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئىشچى-دېھقانلار تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خەلق كومىسسارى، خەلق كومىسسارىياتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1930-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئالىي خەلق ئىگىلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئېغىر سانائەت خەلق كومىسسارى بولغان. 

ئوردېئال

  • ئوردېئال[يەشمىسى:]Ordeal) تارىختىكى بىر خىل ساختا ئىلاھنىڭ ئىرادىسى بويىچە سوت قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ سۇغا چۆكتۈرۈش، ئوتتا كۆيدۈرۈش، دۇئېلغا چۈشۈرۈش ۋە مۇقەددەس غىزا قاتارلىق تۈرلىرى بار. ئۇنىڭ ئاقىۋىتىگە قاراپ، ئەيىبكارنىڭ ئىلاھنىڭ پاناھىغا ئېرىشكەن-ئېرىشەلمىگەنلىكى، گۇناھسىز ياكى گۇناھكار ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. ئادەتتە باشقا سوتلاش ئۇسۇللىرى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمىغان ئەھۋالغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. سۇغا چۆكتۈرۈش: ئەيىبكار باغلىنىپ سۇغا تاشلىنىدۇ، ناۋادا چۆكۈپ كەتسە، گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ؛ ئەگەر لەيلەپ قالسا، پاك سۇ قوبۇل قىلمىدى دەپ قارىلىپ، گۇناھكار دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئوتتا كۆيدۈرۈش: ئەيىبكارغا قىزىتىلغان تۆمۈرنى تۇتۇپ، مەلۇم ئارىلىققىچە مېڭىشقا ياكى گۈلخان ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتۈشكە بۇيرۇق بېرىلىدۇ، ناۋادا كۆيۈپ يارىلانمىغان ياكى مەلۇم خىلدا پەۋقۇلئاددە ئالامەت بىلەن كۆيۈپ يارىلانغان بولسا، گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئەكسىچە بولسا گۇناھكار دەپ ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. دۇئېلغا چۈشۈرۈش: بۇ ئۇسۇل ئاقسۆڭەكلەر بىلەن ئەركىن پۇقرالارغا ئىشلىتىلىدۇ (چۈنكى يانچى ۋە قۇللارنىڭ قورال تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ)، دۇئېلدا يەڭگۈچى گۇناھسىز بولىدۇ، يېڭىلىپ قالسا، گۇناھكار دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. مۇقەددەس غىزا: بۇ ئۇسۇل مىسسىئونېرلارغا ئىشلىتىش بىلەن چەكلىنىدۇ، ئەيىبكار بىر يۇتۇش بىلەن بىر پارچە بولكا ۋە ئېرىمچىكنى يېۋىتەلىسە، گېلىغا تۇرۇپ قالمىسا گۇناھسىز، ئەكسىچە بولغاندا گۇناھكار دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، قاتىللىق دېلولىرىدا، ئەيىبكارغا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ جەسىتىگە تېگىش بۇيرۇق قىلىنىدۇ، ناۋادا جەسەتنىڭ يارىسىدىن قان چىقىپ ئاغزىدىن كۆپۈك ئۆرلىسە ياكى جەسەت قىمىرلىسا، ئەيىبكار گۇناھكار دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا، گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئوردېئالنى رەت قىلغۇچىلار بىردەك يۈرىكى پوك-پوك دەپ قارىلىپ، گۇناھكار دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئوردېئال ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپادا ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئۇ تېئوكراتىيىنىڭ ئەدلىيەنى كونترول قىلىۋالغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. Ⅻ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئوردېئال ئەنگلىيىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. Ⅹ[KG-*2]Ⅲ ئەسىردىن كېيىن، ياۋروپا قىتئەسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىمۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭ قالدۇقى Ⅹ[KG-*2]Ⅷ ئەسىرگە قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن. ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى بەزى مىللەتلەرمۇ شۇ خىلدىكى ئەدلىيە-سوتلاش ئۇسۇلىنى ئىشلەتكەن. 

ئورىتىسكىي

  • ئورىتىسكىي[يەشمىسى:]Моисей Соломонович Урицкий، 8191 - 3781) روسىيىلىك ئىنقىلابچى. چېركاس (Черкассы) شەھىرىدە تۇغۇلغان. كىيېۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1898-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1899-يىلى سۈرگۈن قىلىنغان. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدىن كېيىن مېنشېۋىك بولۇپ كەتكەن. 1905-يىلدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە پېتربۇرگدا خىزمەت قىلغان. 1914-يىلى چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ تۇرغان. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن پېتربۇرگقا قايتىپ كېلىپ «رايون بىرلەشمىسى» بىلەن بىرلىكتە بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە قاتناشقان ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى 10-ئايدا قوراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىش پارتىيە باش شتابىغا سايلانغان ۋە پېتروگراد ئۆكتەبر قوراللىق قوزغىلىڭىنى تەشكىللەشكە قاتناشقان. 1918-يىلى پېتروگراد ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى سۇيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلگەن. 

ئورسىنى

  • ئورسىنى[يەشمىسى:]Felice Orsini، 8581 - 9181)، ئىتالىيە گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئەربابى. ياش ئىتالىيە پارتىيىسىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، 1844-يىلى رىمدا ئۆمۈر-ۋايەتلىك ئېغىر ئىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1846-يىلى 7-ئايدىكى ئومۇمىي كەچۈرۈمدە قويۇپ بېرىلىپ، 7481 - 6481-يىللاردىكى فىرېنزې (Firenze) ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 9481 - 8481-يىللاردىكى ئىتالىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە پىدائىي قىسىمغا كىرىپ، ۋېنېتسىيىنى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن رىم ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ۋە رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېرراتسىنا (Terracina)، ئانكونا (Ancona)، ئاسكولى (Ascoli) لاردا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن خادىمى بولغان. 50-يىللاردا چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، ماززىنىنىڭ مەخپىي پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1854-يىلى ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، كېيىن تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن. ماززىنىنىڭ كۈرەش تاكتىكىسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، شەخسىي تېررورلۇق ۋاسىتىسىنى قوللىنىشقا ئۆزگەرگەن. 1858-يىلى 1-ئايدا پارىژدا لۇئى بوناپارتنى قەتل قىلىشنى قەستلىگەن، ئەمەلگە ئاشۇرالماي، ئۆلتۈرۈلگەن. 

ئورىيانى

  • ئورىيانى[يەشمىسى:]Alfred Oriani، 9091 - 2581) ئىتالىيىلىك تارىخشۇناس ۋە يازغۇچى. ئۇ دۆلەتنىڭ ھەممىدىن يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنى تەرغىپ قىلىپ، سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا قۇترىتىپ، ئىتالىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئافرىقىدا مۇستەملىكە ئىمپېرىيە قۇرۇشقا ئىنتىلىش تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭ تارىخىي ئەسىرى «ئىتالىيىدىكى سىياسىي كۈرەش» ۋە «غايىدىن يۈز ئۆرۈش» مىللەتچىلىك ۋە سوتسىيالىزمغا قارشى ئىدىيە بىلەن تولغان بولۇپ، «قۇدرەتلىك دۆلەت» ۋە «زومىگەرلىك» نى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئىتالىيىنىڭ دۇنيادا «ئۇلۇغ دۆلەت» كە ئايلىنىشىنى ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلەندۈرۈشنى تەرغىپ قىلغان. ئۇنىڭ كۆزقارىشى ئىتالىيە فاشىزمىغا ئىدىيىۋى ئاساس سېلىپ بەرگەن. 3391 - 3291-يىللاردا پلونيادا موسسولىنى تەھرىرلىگەن «ئورىيانى ئەسەرلىرى» نىڭ 30 تومى تارقىتىلغان.

ئورفېلىن

  • ئورفېلىن[يەشمىسى:]Zaharija Orfelin، 5871 - 6271)، ئەسلى ئىسمى ستېفانوۋىچ (Zaharija Stefanovic)، سېربىيىلىك تارىخشۇناس، يازغۇچى ۋە شائىر. 1768-يىلى تۇنجى سېربىيە ژۇرنىلى «سلاۋىيان سېربىيىسىنىڭ خەزىنىسى» نى تارقىتىپ، سلاۋىيان خەلقىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ۋە خەلق تىلىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. 1772-يىلى يۇگوسلاۋىيىنىڭ پېتېرⅠ ھەققىدىكى تۇنجى تارىخ ئوقۇشلۇقىنى نەشىر قىلغان. ئۇ پولوكانوۋىچ، پاروچكى، فىئوفالا پولوكانوۋىچ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە دىنىي ھوقۇقچىلىققا قارشى مەزمۇنلار بولغان. تارىخىي تېمىدىكى شېئىرلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە ۋەتەننىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە ئىنتىلىش بىلەن تولغان.

ئورفېئۇس

  • ئورفېئۇس[يەشمىسى:]Orpheus) قەدىمكى يۇنان رىۋايەتلىرىدىكى ئاتاقلىق شائىر ھەم ناخشىچى. سىراس رىۋايىتىدىكى پادىشاھ ئاگېس (Oeagrus) بىلەن موسېس مەبۇدە كالىئوپېنىڭ (Calliope) ئوغلى. خۇدا ئاپوللون ئۇنىڭغا كىفارا تەقدىم قىلغان، موسېس تەڭرىلىرى ئۇنىڭغا مۇزىكا چېلىش ۋە ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەتكەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ سەنئەت ماھارىتى ئاجايىپ يۇقىرى بولۇپ، ھەتتا ئۇچار قۇش، يىرتقۇچ ھايۋانلارمۇ ئۇنىڭ مۇزىكىسى بىلەن ناخشىسىنى ئاڭلىغاندا باشلىرىنى ئېگىشىپ، گىگانت تاشلارمۇ لەرزىگە كېلىدىكەن، ئۇ يەنە يازوننىڭ ئالتۇن قوي يۇڭىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن قىلغان سەپىرىگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ مۇزىكىسى ئارقىلىق سەپەر ئۈستىدىكى نۇرغۇنلىغان جاپا-مۇشەققەتلەرنى يەڭگەن. گۈزەل ئېئوردىك (Eurydico) بىلەن توي قىلغان، كېيىن ئېئوردىكنى زەھەرلىك يىلان چېقىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكتىن، ئورفېئۇس ئۇنى ئىزدەپ باقىي ئالەمگە بېرىپ، ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق مۇزىكىسى ئارقىلىق ئاخىرەت شاھى خادېس بىلەن خانىكە پېرسېفوننى تەسىرلەندۈرگەن ھەمدە قايتىش سەپىرىدە كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىماسلىق شەرتى بىلەن ئېئوردىكنى پانىي ئالەمگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئىجازەت ئالغان. ئەمما يەر يۈزىگە يېقىنلىشاي دېگەن چاغدا ئورفېئۇس ئايالىنىڭ ئۆزىگە يېتىشىپ مېڭىۋاتقان ياكى ماڭالمايۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن توساتتىنلا كەينىگە قاراپ سالغان. نەتىجىدە ئېئوردىك قايتىدىن باقىي ئالەمگە كېتىپ قالغان. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ ۋېنو خۇداسى دىئونسوسنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانلىقتىن، ئۇنىڭ بىر توپ غالجىر ئايال مۇرىتلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، جەسىتى پارچە-پارچە قىلىۋېتىلگەن. ئورفېئۇسقا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىملىرى كېيىنكى مەزگىللەردە تەرەققىي قىلىپ، سىرلىق ئورفېئۇس دىنى (Orphism) بولۇپ شەكىللەنگەن ھەمدە قەدىمكى يۇنان جەمئىيىتى ۋە ئىدىيىسىگە مەلۇم تەسىر كۆرسەتكەن. 

ئوركومېنوس

  • ئوركومېنوس[يەشمىسى:]Orchomenus)، مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرگىچە بولغان خارابە. گرېتسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بوئېئوتىيە رايونى كوپائىس (Copais) كۆلىنىڭ غەربىي شىمالىي قىرغىقىدىكى ئېدىرلىقنىڭ ئاستىغا جايلاشقان. ئۇ گرېتسىيىنىڭ ئۆز زېمىنىدىن تېپىلغان ئەڭ شىمالدىكى مىكېناي مەدەنىيىتىنىڭ خارابىسىدىن ئىبارەت. مىلادىدىن 364 يىل ئىلگىرى ۋەيران قىلىنغان. شىلېمانن 1880-ۋە 1886-يىللىرى تۇنجى قېتىم قېزىپ تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭدا جەمئىي تۆت قەۋەت ئولتۇراق جاي خارابىسى بولۇپ، ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتى يېڭى تاش قورال دەۋرىگە، ئۇنىڭ ئۈستى برۇنزا قورال دەۋرىگە، ئۈچىنچى قەۋىتى برۇنزا قورال دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە مەنسۇپ خارابىلەردۇر. مىكېناي دەۋرىگە كەلگەندە سېپىل بىنا قىلىنغان بولۇپ، ھازىر سېپىل، ئىبادەتخانا، پادىشاھ ئوردىسىنىڭ خارابىلىرى ۋە «مىنئاسنىڭ قەبرىسى» دەپ ئاتالغان گۈمبەز تېپىلغان. قەبرىنىڭ تورۇس تەرىپى بۇزۇلۇپ كەتكەن، قەبرە يولىدىن پەقەت 14 مېترلا ساقلىنىپ قالغان. 

ئورلاندو

  • ئورلاندو[يەشمىسى:]Vittorio Emanuele Orlando، 1860 — 1952)، ئىتالىيە باش ۋەزىرى (1917 — 1919). پالېرمودا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئادۋوكاتلىق قىلغان. 1897-يىلدىن باشلاپ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1903 — 1917-يىللاردا مائارىپ، ئەدلىيە، دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرلىكىنى ئۆتىگەن. 1917-يىلىدىن باشلاپ باش ۋەزىر، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. ئىتالىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان، ئەمما دۆلىتىنىڭ تەلىپىنى قانائەتلەندۈرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان، لېكىن يەنىلا پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1925-يىلى فاشىستىك دىكتاتۇرىغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن پارلامېنت ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، مائارىپ ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1943-يىلى مۇسسولىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، كونسېرۋاتىپ دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق ئەربابلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 1946-يىلى ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى كېڭەشنىڭ رەئىسى بولغان. ئىككىنچى يىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1948-يىلىدىن باشلاپ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 

ئورلېئانچىلار

  • ئورلېئانچىلار[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى فرانسىيە مونارخىستلار پارتىيىسىنىڭ بىر مەزھىپى. بوربون پادىشاھ جەمەتىنىڭ بىر تارمىقى بولغان ئورلېئان جەمەتىنىڭ تەختكە چىقىشى ۋە تىرىلىشىنى ھىمايە قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئاقسۆڭەكلىرى ۋە چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. 1830-يىلىدىكى ئىيۇل ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئورلېئان كىنەزى لۇئى فىلىپنىڭ تەختكە چىقىشىنى قوللىغان؛ ئورلېئان سۇلالىسى دەۋرىدە ھوقۇق ئىگىلىگۈچىلەر ۋە ھوقۇق ئىگىلىمىگەن ئۆكتىچىلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن؛ ئورلېئان سۇلالىسى 1848-يىلدىكى ئىنقىلابتا ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، تىرىلىش ھەرىكىتى بىلەن پائال شۇغۇللىنىپ، لۇئى فىلىپنىڭ نەۋرىسى پارىژ گرافىنى تەختكە قايتىدىن چىقىرىشقا ئۇرۇنغان، ئەمما مەغلۇپ بولغان. گۇيزوت، تېيىر، لاففىتتى، بارروت قاتارلىقلار بۇ گۇرۇھنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق ۋەكىللىرىدۇر. 70-يىللاردىكى مونارخىستلارنىڭ تىرىلىش سۇيىقەستى ۋە 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى بوئۇلانگېر ۋەقەسىگە قاتناشقان، كېيىن تەسىرى تەدرىجىي ھالدا يوقالغان. 

ئورلېئان سۇلالىسى

  • ئورلېئان سۇلالىسى[يەشمىسى:]يەنى «ئىيۇل سۇلالىسى». 

ئورمان باتۇرلىرى

  • ئورمان باتۇرلىرى[يەشمىسى:] 1915-يىلى ئىراننىڭ شىمالىي رايونلىرىدا قۇرۇلغان پارتىزانلار ئەترىتى. ئاساسەن گىلان (Gilan) ئورمانلىقىدا ھەرىكەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. سەردارى كۇچىكخان بولۇپ، بۇ قوشۇن دېھقانلار، شەھەر كەمبەغەللىرى ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ئۇنسۇرلىرىدىن تەركىب تاپقان. مىللىي مۇستەقىللىكنى تەشەببۇس قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە چارروسىيىنىڭ ئىشغالىيەتچى قوشۇنىغا ئۈزلۈكسىز زەربە بەرگەن. 1291 - 0291-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان مەزگىلدە، ئىران كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن بىر مەھەل ھەمكارلىشىپ، ئەنگلىيە جاھانگىرلىكى ۋە پادىشاھ ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇپ، گىلان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. كۇچىكخان 1921-يىلى 9-ئايدا ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلىپ، كوممۇنىستلارنى قىرغاندىن كېيىن، ئورمان باتۇرلىرى قوشۇنىنىڭ كۈچى ئاجىزلاشقان. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ باستۇرۇشى ئاستىدا پارچىلىنىپ كەتكەن. 

ئورمان قەلەندەرلىرى

  • ئورمان قەلەندەرلىرى[يەشمىسى:] ⅩⅥ ئەسىردىكى نېدىرلاندىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە، قۇرۇقلۇقتىكى پارتىزانلارنىڭ لەقىمى. قەلەندەر دېگەن سۆز فرانسۇزچە «gueux»تىن كېلىپ چىققان. ئۇلار ئاساسەن قول سانائەتچىلەر، ئىشخانا ئىشچىلىرى ۋە دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، فلاندېرس قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ قېلىن ئورمانلىقىنى بازا قىلىپ، ئىسپانىيە قوشۇنىنىڭ ئۇششاق ئەترەتلىرىگە ئۇشتۇمتۇت زەربە بەرگەن، خەلق بىلەن دۈشمەنلەشكەن كاتولىك پوپلىرىنى ئۆلتۈرگەن. 

ئورمان كىتابى

  • ئورمان كىتابى[يەشمىسى:]Aranyakas). «ئارانياكاس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى ھىندىستان براخمان دىنىنىڭ قەدىمىي كىتابى. «ۋېدا» ئەدەبىياتىنىڭ بىر قىسمى. «بۇددا نومى» نىڭ ئاياغلىشىدىغان قىسمى بولۇپ، ھەرقايسى مەزھەپلەرنىڭ «ئورمان كىتابى» ھەرقايسى مەزھەپلەر «بۇددا نوم» لىرىنىڭ داۋامىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا ئاساسەن براخمان دىنىنىڭ سىرلىق نەزىر-چىراق مۇراسىملىرى تونۇشتۇرۇلغان. تەركىدۇنيا بولۇپ ئورمانلىقلارغا كىرىپ كەتكەن دەرۋىشلەرنىڭ قىرائەت قىلىشى ئۈچۈن يېزىلغان؛ ئورمانلىقلاردا نەزىر-چىراق بۇيۇملىرى كەمچىل بولغانلىقتىن، نەزىر-چىراق مۇراسىمى ئېڭى ئاجىزلىشىشقا باشلاپ، نەزىر-چىراق نەزەرىيىسىدىكى سىرلىقلاشتۇرۇش تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان. 

ئوروزكو

  • ئوروزكو[يەشمىسى:]José Clemente Orozco، 9491 - 3881)، مېكسىكىلىق رەسسام، مېكسىكا تام رەسىملىرى ئىلمىي ئېقىمىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، «مېكسىكىنىڭ ئۈچ مەشھۇر تام رەسسامى» نىڭ بىرى دەپ ئاتالغان. 4191 - 8091-يىللاردا مېكسىكا شەھىرىدىكى گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 7191 - 0191-يىللاردىكى مېكسىكا ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 9191 - 7191-يىللار ۋە 4391 - 7291-يىللاردا ئامېرىكىدا مۇھاجىر بولۇپ ياشىغان. دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن مېكسىكا شەھىرى ۋە گۇادالاجارا (Guadalajara) دا خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ تام رەسىملىرى ئىنقىلابىي ھېسسىياتقا تولغان بولۇپ، ئاساسەن مېكسىكا خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ۋە ئىشچىلارنىڭ كۈرىشىنى تەسۋىرلىگەن، ئۇلار كۆرۈنۈشى كەڭ، قۇرۇلمىسى ماسلاشقان ۋە پۇختا بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئاتاقلىق ئەسەرلىرى «مېكسىكا ئىنقىلابىدا»، «پرومېتې»، «يېڭى دۇنيانىڭ مەدەنىيەت داستانى»، «ئوت ئادەم» ۋە «ئاكوب» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

ئورېستېس

  • ئورېستېس[يەشمىسى:] قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئاگامېمنوننىڭ ئوغلى. مېكىناي پادىشاھى ئاگامېمنون يۇناننىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ تروياغا يۈرۈش قىلغان مەزگىلىدە ئۇنىڭ خوتۇنى (ئورېستېسنىڭ ئانىسى) كليتا ئېنمېسترا (Clytaenmestra) ئاگىستۇس (Aegistus) بىلەن ئاشىنا ئوينىغان. نەتىجىدە ئاگىستۇس ئاگامېمنوننىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى تارتىۋالغان؛ ئاگامېمنون دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇلار تەرىپىدىن سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ئىشتىن قاتتىق غەزەپلەنگەن ئورېستېس ئاتىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن كلېتامنېسترا بىلەن ئاگىستۇسنى ئۆلتۈرگەن. ئانىسىنى ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتى سەۋەبىدىن قىساس مەبۇدىسى ئېرىنىسنىڭ قاتتىق سۈرۈشتە قىلىشىغا ئۇچراپ، ئاخىرىدا ساراڭ بولۇپ قالغان. كېيىن دىرپودىكى خۇدا ئاپوللون مۇشۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن گۇناھىنى يۇيۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن ھەمدە ئۇنى ئافىناغا بېرىپ مەبۇدە ئافىنانىڭ ھامىيلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئەۋەتكەن. ئارسوپاگوس سوراقخانىسىدىكى سوتتا ئورېستېسنى گۇناھكار دەپ ئاۋاز بەرگۈچىلەر بىلەن بىگۇناھ دەپ ئاۋاز بەرگۈچىلەرنىڭ سانى تەڭ چىقىپ قالغان. ئاخىرى باش سوتچى ئافىنا ھەل قىلغۇچ بىر ئاۋاز بېرىپ، ئورېستېسنى بىگۇناھ دەپ جاكارلىغان. مەزكۇر رىۋايەتتە قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ پاترىئارخاللىق تۈزۈمى ماترىئارخاللىق تۈزۈمى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. قەدىمكى يۇنان تراگېدىيىچىسى ئاسكولوس ئورېستېس ھەققىدە ترېلوگىيە يازغان. 

ئوسا تاكېكى

  • ئوسا تاكېكى[يەشمىسى:]1880 - 1946) ياپونىيىلىك تارىخشۇناس. قانۇنشۇناسلىق دوكتورى. ئىشىكاۋا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. خەنزۇشۇناس ئوسا كېياسونىڭ ئوغلى. 1899-يىلى مېيجى قانۇن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن.1918-يىلى توكيو ئەرزىيەت مەھكىمىسىدە دادخاھ بولغان. 1924-يىلى ئالىي سوت مەھكىمىسىدە دادخاھ بولغان. 1942-يىلى ئالىي سوت مەھكىمىسىدە تەكشۈرگۈچى بولغان.1931-يىلىدىن باشلاپ يەنە مېيجى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، ئاۋام پالاتاسى ئاساسىي قانۇن تارىخىنى تۈزۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى، ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسى 50 يىللىق تارىخىنى تۈزۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. ئاساسەن مېيجى ئاساسىي قانۇن تارىخى، مەدەنىيەت تارىخى، يېڭىلىققا كۆچۈش تارىخىي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇن مۇھىم تارىخىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان؛ يوشىنو ساكوزۇ (1878 — 1933) قاتارلىق كىشىلەر بىلەن مېيجى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، 24 توملۇق «مېيجى مەدەنىيىتى ئەسەرلىرى» نى تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «يېڭىلىققا كۆچۈشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ئىدىيىسى»، «ياپونىيە ئاساسىي قانۇن تارىخى پروگراممىسى»، «مېيجى يېڭىلىقى» قاتارلىقلار بار. كېيىن 15 توملۇق «ئوسا تاكېكى ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان. 

ئوستروۋىسكىي

  • ئوستروۋىسكىي[يەشمىسى:]1) ئالېكساندر نىكولايېۋىچ ئوستروۋىسكىي (Александр Николаевич Островский،1823— 1886)، روسىيىلىك دراماتورگ. سودىيە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. موسكۋا داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان چېغىدا ئىنقىلابىي دېموكراتلار ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. سوت مەھكىمىسىدە كۆپ يىل خىزمەت قىلغان.1847-يىلى ئىجادىيىتىنى باشلىغان. 1850-يىلى «ئۆز ئادىمى بىلەن ھېسابلاشماق ئاسان» دېگەن كومېدىيىنى يېزىپ، باي سودىگەر ئائىلىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر-بىرىنى ئالداش ۋە روسىيە جەمئىيىتىدىكى تەڭسىزلىك مۇناسىۋىتىنى پاش قىلىپ، جەمئىيەتنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ۋە چار پادىشاھ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قويۇشنى مەنئى قىلغان. 50-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئىجاد قىلغان «شۈكرى قىلىش» ۋە «نامراتلىق گۇناھ ئەمەس» قاتارلىق كومېدىيىلىرىدە سلاۋىيانچىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، فېئودال پاترىئارخاللىق ئادەتلىرىنى پەردازلاپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما تېزلىكتە تۈزىتىۋالغان. پومېشچىكلار، سودىگەرلەر، ئۇششاق ئەمەلدارلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىنى ئىجادىيەت تېمىسى قىلىپ، يانچىلىق تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىشتىن بۇرۇنقى روسىيە جەمئىيىتىنىڭ چىرىكلىكى ۋە قاراڭغۇلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، روسىيىنىڭ تەنقىدىي رېئالىزم تىياتىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە 50 پارچىغا يېقىن سەھنە ئەسىرى يازغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىملىرى «تاپاۋەتلىك مەنسەپ»، «گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر»، «چوغدەك يۈرەك»، «بۆرە بىلەن قوي»، «قىز مېلى يوق قىز» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. (2) نىكولاي ئالېكسېيېۋىچ ئوستروۋىسكىي (Николай Алексеевич Оcтровский، 1904 — 1936). سابىق سوۋېت يازغۇچىسى. ھاراق چىقىرىدىغان ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىن تارتىپلا ئىشلىگەن. 1919-يىلى قىزىل ئارمىيىگە قاتناشقان، ئىككىنچى يىلى جەڭدە يارىلىنىپ كەسىپ ئالماشتۇرغان. 1924-يىلى روسىيە كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسىگە كىرىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى رايونلۇق كومىتېتى، ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. ئىككى يىلدىن كېيىن سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، ئىككى كۆزى كۆرمەيدىغان، پۈتۈن بەدىنى پالەچ بولۇپ قالغان، ئەمما كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپ قەيسەرلىك بىلەن رومان يازغان. 1933-يىلى «پولات قانداق تاۋلاندى» رومانىنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ، كومسومول پاۋىل كورچاگىننىڭ قەھرىمانلىق ئوبرازىنى ياراتقان. ئۇ يەنە بىر رومانى «بوران بالىلىرى» (ئۈچ توملۇق قىلىپ يازماقچى بولغان) نىڭ بىرىنچى تومىنى يېزىپ بولغاندا، دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان. 

ئوستېند خىتابنامىسى

  • ئوستېند خىتابنامىسى[يەشمىسى:] 1854-يىلى 10-ئايدا ئامېرىكىنىڭ ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بۇخانان، فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ماسون (John Y.Mason) ۋە ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى سۇلې (Pierre Soule) ئۈچەيلەن بېلگىيىنىڭ ئوستېند (Ostend) دېگەن جايىدا يېزىپ چىققان خىتابنامە. سۇلې بۇ خىتابنامىنى يېزىشتىن بۇرۇن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مارسىي (William L.Marcy) نىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن ئىسپانىيىدىن كۇبانى سېتىۋالماقچى بولغان، ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. شۇڭا خىتابنامىدە، ئامېرىكىنىڭ ئىسپانىيىدىن كۇبانى سېتىۋالىدىغانلىقى، ئەگەر رەت قىلىنسا قوراللىق كۈچ ئارقىلىق تارتىۋالىدىغانلىقى جار سېلىنغان. ئىسپانىيىنىڭ رەت قىلىشى، مەملىكەت ئىچىدىكى ئىلغار جامائەت پىكرىنىڭ قارشى تۇرۇشى ئارقىسىدا، ئامېرىكا بۇ خىتابنامىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 

ئوستىيە

  • ئوستىيە[يەشمىسى:]Ostia)، ئىتالىيىدىكى قەدىمكى شەھەر، رىم شەھىرىنىڭ تاشقى پورتى. تىبېر (Tiber) دەرياسى ئېغىزىنىڭ جەنۇبىي (سول قىرغىقى)غا جايلاشقان بولۇپ، رىم شەھىرىدىن تەخمىنەن 10 كىلومېتر يىراقلىقتا. ئېيتىلىشىچە رىمنىڭ پادىشاھ ھاكىمىيىتى دەۋرى (مىلادىدىن ئىلگىرى 905 - 357) دىكى 4-پادىشاھ ئەنكۇ مارىسۇس بىنا قىلغان بولۇپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ رىمنىڭ سودا پورتى ۋە ھەربىي پورتىغا ئايلانغان (دېڭىز فلوتى شۇ يەردە تۇرغان). مارى بىلەن سوللانىڭ «ئىچكى ئۇرۇشى» مەزگىلىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇزاق ئۆتمەي قايتا ياسالغان. ئىمپېرىيىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە يەنە كېڭەيتىلىپ، تىبېر دەرياسى ئېغىزىنىڭ شىمالىي (ئوڭ قىرغىقى) دا يېڭى پورت بەرپا قىلىنىپ، رىم پورتى ياكى ئاۋگۇستۇس پورتى دەپ ئاتالغان، شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئوستىيە تېخىمۇ گۈللەنگەن. ئىمپېرىيىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە رىمنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي ھالدا خارابلاشقان، پرىستانلىرى لاتقىلار بىلەن تىنىپ كەتكەن. 

ئوسىرىس

  • ئوسىرىس[يەشمىسى:]Osiris)، قەدىمكى مىسىرنىڭ ئۆسۈملۈك ئىلاھى، سۇ ئىلاھى شۇنداقلا پانىي دۇنيادىكى پادىشاھ ۋە سودىيە. ئوسىرىسقا چوقۇنۇش قەدىمكى مىسىرلىقلاردا تارقالغان ئۆسۈملۈكلەر يىلدا قۇرۇپ كۆكلەيدۇ، ئىنسانلار ئۆلسە قايتىدىن تۇغۇلىدۇ، دېگەن كۆز قاراش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مىسىر ئەپسانىلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئوسىرىس يەر ئىلاھى گېب (Geb) بىلەن ئاسمان ئىلاھى نۇت (Nut) نىڭ ئوغلى بولۇپ، ئەسلىدە يەر يۈزىنىڭ پادىشاھى ئىكەن؛ كىشىلەرگە تېرىقچىلىق قىلىشنى ئۆگەتكەن بولسىمۇ، بەختكە قارشى ئۇكىسى سېت (Set) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدىكەن. ئۇنىڭ ئايالى ئىسىس (Isis) مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتلەرنى چېكىپ جەسەتنى تاپىدىكەن، ئوغلى ھورۇس (Horus) دادىسىنىڭ ئۆچىنى ئالىدىكەن. ئۇ قايتىدىن تىرىلىپ، ئاخىرەتتىكى پادىشاھقا ئايلىنىدىكەن ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ روھىنى سوراققا تارتىدىكەن (ھورۇس بۇ دۇنيانىڭ پادىشاھى ئىكەن). بۇ ئەپسانە مىسىر خەلقى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ھەمدە كېيىنكى ئەيسا ھەققىدىكى ئەپسانىلەرگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. 

ئوسكارⅠ

  • ئوسكارⅠ[يەشمىسى:]OscarⅠ، 9581 - 9971)، شۋېتسىيە-نورۋېگىيە كورۇلى (1844 — 1859)، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى. ياش ۋاقتىدا لىبېرالىزم خاھىشىدا بولغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ئىسلاھات ئېلىپ بارغان، نەشرىيات ئەركىنلىكىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، ئەر-ئاياللارنىڭ تەڭ-باراۋەر مىراسخورلۇق ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن، نامراتلارنى قۇتقۇزۇش قانۇنىنى ئېلان قىلغان.ئەمما 1848-يىلى ستوكھولىمدا ئاممىنىڭ مارت نامايىشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تەدرىجىي ھالدا كونسېرۋاتىپلىققا ئۆزگەرگەن. سىرتقا قارىتا سكاندىنوۋىيىچىلىقنى يولغا قويۇپ، 1848 — 1849-يىللاردا دانىيىنى قوللاپ پرۇسسىيىگە قارشى تۇرغان ھەمدە شىمالىي ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ ھۇجۇم-مۇداپىئە ئىتتىپاقىنى قۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نەتىجە چىقىرالمىغان. 

ئوسمان

  • ئوسمان[يەشمىسى:]1)(Uthmān ibn Affān، 577 — 656)ئىسلام خەلىپىسى(644 - 656). مەككىدىكى ئۇمەييە ئاقسۆڭەك باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مۇھەممەد پەيغەمبەر دىن تارقاتقان مەزگىلدە، ئۇنى ئىقتىسادىي جەھەتتە زور كۈچ بىلەن قوللىغان. ئۆمەر ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، خەلىپىلىككە سايلانغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ئەرمىنىيە بىلەن شىمالىي ئافرىقىنى بويسۇندۇرۇپ، فارس ۋە خوراسان قاتارلىق جايلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرغان. «قۇرئان» نىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسىنى بېكىتكەن. ئۆز جەمەتىنىڭ ئەزالىرىنى دۆلەتنىڭ مۇھىم خىزمىتىگە قويغان ھەمدە ئۇلارغا يەر ئىنئام قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى شۇلارغا تايىنىپ كۈچەيتىشكە ئۇرۇنغان. ئۇنىڭ بۇ سىياسىتى ئارمىيىنىڭ ۋە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئايالى ئائىشە، ھەزرىتى ئەلىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ھەزرىتى ئەلى تەرەپدارلىرى ئالدى بىلەن كۇفەدە ئوسمانغا قارشى قوزغالغان. ئوسمان مىلادى 656-يىلى مەدىنىدىكى تۇرار جايىدا 500 نەپەر ئىسيانچى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. (2) (Osman،1259- 1326)، ئوتتومان (Ottoman) دەپمۇ ئاتالغان. ئوسمانىيە دۆلىتىنى بەرپا قىلغۇچى. 1281-يىلى دادىسى ئەرتوغرۇلنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، تۈركلەرنىڭ سەردارى بولغان. 1299-يىلى ئۆزىنى ئەمىر دەپ ئاتاپ، مۇستەقىللىك ئېلان قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئوسمانلى دۆلىتىنى قۇرغان، بۇ دۆلەتتىكى تۈركلەر ئوسمانلى تۈركلىرى دەپ ئاتالغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ۋېزانتىيىنىڭ كىچىك ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى زېمىنىغا ئۈزلۈكسىز تۈردە تاجاۋۇز قىلىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ يەنىشەھىر ( — Yenishehir يېڭى شەھەر) قاتارلىق شەھەرلەرنى تارتىۋالغان، زېمىنى غەربتە مەرمەر دېڭىزىغىچە بېرىپ يەتكەن. 

ئوسمان دان فودىئو

  • ئوسمان دان فودىئو[يەشمىسى:]Othman dan Fodio، 1744-ياكى 1754 - 1817) سوكودو پادىشاھلىقىنى قۇرغۇچى. فۇربلاردىن بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. گوبىر (Gobir) شەھەر دۆلىتى شاھزادىسىگە ئاتالىق بولغان. كېيىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، جايلاردا خائۇسا شەھەر دۆلىتىنىڭ ئاقسۆڭەك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشنى ئۇيۇشتۇرغان. Ⅹ[KG-*2]Ⅸ ئەسىرنىڭ بېشىدا فۇرب، خائۇسا قەبىلىلىرىدىكى كەمبەغەللەر ۋە قۇللارنىڭ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئۆزىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئىمامى دەپ ئاتاپ، غازات ئېلان قىلىپ، زارىيە، كاتىسىنا، كانو، ئاركالاۋالارنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ، خائۇسا رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1809-يىلى ئوغلى مۇھەممەد بېللو (Mohammed Bello، 7381 - ?) نى سوكودو پادىشاھى قىلىپ، ئۇكىسى ئابدۇللاھ (Abdullah، 9281 - ?) نى گاندو (Gwandu ياكى Gandu) پادىشاھى قىلىپ بېكىتكەن. «قېرىنداشلارغا نەسىھەت»، «يۈرەك نۇرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

ئوسمانىزم

  • ئوسمانىزم[يەشمىسى:] يەنى «پان تۈركىزم».

ئوسمان ئىمپېرىيىسى

  • ئوسمان ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:]ئوتتۇمان ئىمپېرىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوسمانلى تۈركلىرى قۇرغان ھەربىي فېئودال ئىمپېرىيە. ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان. ئوسمانلى تۈركلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى تۈركلەر بولۇپ، ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار Ⅹ[KG-*2]Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەربكە كۆچكەن، كېيىن كىچىك ئاسىياغا كىرىپ، رۇم سۇلتانلىقىغا بېقىنىپ، كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان.1299-يىلى ئۇلارنىڭ سەردارى ئوسمان مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئوسمانلى دۆلىتىنى قۇرغان. كېيىن قوشنىسى ۋېزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالغان. 1326-يىلى پايتەختىنى بۇرساغا كۆچۈرگەن، 1362-يىلى پايتەختنى ئادرىئانوپلې (Adrianople، تۈركلەر ئۇنى ئەدىرنە Edirne — دەپ ئاتايدۇ) غا كۆچۈرگەن. 1453-يىلى سۇلتان مۇھەممەدⅡ كونستانتىنوپولنى ئېلىپ، ۋېزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى مۇنقەرز قىلغان ھەمدە پايتەختىنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ، نامىنى ئىستانبۇل دەپ ئۆزگەرتكەن. Ⅹ[KG-*2]Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن Ⅹ[KG-*2]Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە تەرەپ-تەرەپكە كېڭىيىپ، زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. 1529-يىلى ۋېنانى ئېلىپ، زېمىنى ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە كېڭەيگەن زور ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. ئىمپېرىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيە، مىللىي ئېزىش ئېغىر، سىنىپىي زىددىيەت ۋە مىللىي زىددىيەت كەسكىن بولۇپ، جايلاردىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۈزلۈكسىز تۈردە قارشىلىق كۆرسەتكەن.1571-يىلىدىكى لېپانتو دېڭىز جېڭىدە تۈركىيە فلوتى ئىسپانىيە-ۋېنېتسىيە بىرلەشمە فلوتى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. Ⅹ[KG-*2]Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، دۆلەت كۈچى ئاجىزلىشىشقا يۈزلەنگەن. 1683-يىلى ۋېناغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، مەغلۇپ بولغان. Ⅹ[KG-*2]Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئىمپېرىيىگە قاراشلىق بولغان قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى يەرلەر روسىيىگە بۆلۈپ بېرىلگەن. Ⅹ[KG-*2]Ⅸ ئەسىرنىڭ بېشىدا ئىمپېرىيە دائىرىسىدە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، بالقان يېرىم ئارىلىدىكى دۆلەتلەر ئىلگىرى-كېيىن مۇستەقىل بولغان. ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە، ئاۋسترىيە، ئىتالىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر ئىمپېرىيە زېمىنىنى تالىشىشنى جىددىيلەشتۈرگەن. روسىيە گروزىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمىنىيىلەرنى ئىشغال قىلىۋالغان؛ فرانسىيە ئالجىرىيە، تۇنىسلارنى يۇتۇۋالغان؛ ئىتالىيە لىپولىنى ئىگىلىۋالغان؛ ئەنگلىيە مىسىر، سپروسلارنى تارتىۋالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىمپېرىيە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تەرەپكە قاتناشقان، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقى، مېسوپوتامىيە ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ دېڭىز ياقىسى قاتارلىق رايونلاردىكى زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ، پەقەت تۈركىيىنىڭ ئۆز زېمىنىنىلا ساقلاپ قالالىغان. 1919-يىلى دۆلەت ئىچىدە كامال رەھبەرلىكىدىكى بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى پارتلىغان. 1920-يىلى ئەنقەرەدە مىللىي ھۆكۈمەت قۇرۇلغان. 1922-يىلى يېڭى ھۆكۈمەت سۇلتان مۇھەممەد Ⅵ نى بىكار قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئىمپېرىيە ئاخىرلاشقان. 1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.

ئوسۋېنتىسىم جازا لاگېرى

  • ئوسۋېنتىسىم جازا لاگېرى[يەشمىسى:] فاشىستلار گېرمانىيىسىنىڭ گۇناھسىز ئاھالىلەر ۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قىرىدىغان ئەڭ چوڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ بىرى. پولشا كراكوۋ رايونىنىڭ غەربىدىكى خىلۋەت سازلىق جاي — ئوسۋېنتىسىم (پولەكچە، Oswiccim، نېمىسچە Auschwitz) بازىرىغا جايلاشقان. گېرمانىيە 1939-يىلى 9-ئايدا پولشانى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيە ئاتلىق ئەسكەرلەر گازارمىسىنىڭ كونا ئورنىدا قۇرغان. 1940-يىلى 6-ئايدا رەسمىي ئىشلىتىلگەن. لاگېر ئىچىدە تۆت چوڭ زەھەرلىك گاز ئۆيى (2000 ئادەم سىغىدۇ)، جەسەت كۆيدۈرۈش پېچىدىن 46 سى ۋە يەر ئاستى جەسەت ئورىسى بولغان. فابىن خىمىيە ترېستى بىلەن كرۈيىپ ھەربىي سانائەت شىركىتى بۇ يەردە زاۋۇت قۇرۇپ، مەھبۇس ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يىلىكىنى شورىغان، ئۇلار ماغدۇرىدىن كەتكەندە زەھەرلىك گاز ئۆيىگە سولاپ ئۆلتۈرۈپ، جەسەتنى كۆيدۈرۈپ ئىزىنى يوقاتقان. 1940 — 1945-يىللاردا بۇ يەردە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ سانى 4 مىليوندىن ئاشقان. سوۋېت ئارمىيىسى 1945-يىلى 1-ئايدا بۇ جاينى ئازاد قىلغان، ناتسىست باندىتلار قېچىش ئالدىدا ئازاب-ئوقۇبەت چەككۈچىلەردىن 58 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى تۇتۇپ كەتكەن.1946-يىلى بۇ يەردە مۇزېي قۇرۇلغان. 

ئوسېبېرگ

  • ئوسېبېرگ[يەشمىسى:]Oseberg)، شىمالىي ياۋروپا دېڭىز قاراقچىلىقى دەۋرىدىكى كېمە قەبرىستانلىقى. نورۋېگىيىنىڭ ۋېستفولد (Vestfold) رايونىدا بولۇپ، 1926-يىلى قېزىپ چىقىرىلغان. كېمە كۆك سېغىز توپا قەۋىتىدىن تېپىلغان، ياخشى ساقلانغانىكەن. كېمىدە دېڭىزچىلىقنىڭ ھەرخىل ئەسۋابلىرىدىن باشقا، يەنە ئىككى چوڭ چېدىر، بىر دانە تۆت چاقلىق ھارۋا، تۆت دانە چانا، كارىۋات، ئىشكاپ، قاچىلاش ئەسۋابى، توقۇش دەستىگاھى ۋە ئات، ئىت، قوي قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرى بار. كېمە تومشۇقى ۋە چانىدا يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ باش شەكلى ۋە ھايۋان تېرىسىدىكى سىزىقچىسىمان مېتال، تېرە، ياغاچ ئويما بېزەكلەر بولۇپ، «ئوسېبېرگ تىپى» دەپ ئاتالغان، ئۇلار دېڭىز قاراقچىلىقى دەۋرىنىڭ تىپىك سەنئەت بۇيۇملىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئوشئو خېئىخاچىرو

  • ئوشئو خېئىخاچىرو[يەشمىسى:]1793 - 1837) ياپونىيە ئېدو (Edo) دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە شەھەرلەردە كۆتۈرۈلگەن قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ رەھبىرى. ئەسلى ئىسمى خوسۇ، تەخەللۇسى جۇڭزەي. 14 ياشتا دادىسىنىڭ خىزمىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئوساكادا تۆۋەن دەرىجىلىك يەرلىك ئەمەلدار بولغان. خىزمەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئائىلىسىدە مەكتەپ ئېچىپ ۋاڭ ياڭمىڭنىڭ تەلىماتىنى ئوقۇتقان ۋە سۆز بىلەن ھەرىكەتنىڭ بىردەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. 1836-يىلى (تيەنباۋ 7-يىلى) قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، ئاشلىق باھاسى تېز ئۆسۈپ كەتكەن. ئاچارچىلىقتا ئادەم ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋال پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرغان. يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، كاتتا سودىگەرلەر بولسا، ئەيش-ئىشرەت ۋە كەيپ-ساپا تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئوشئو ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇش قىلىشىنى تەلەپ قىلغاندا، ھۆكۈمەت ئۇنى رەت قىلغان؛ باي سودىگەرلەردىن قەرز سورىسا قەرز بەرمىگەن. ئاخىرى نائىلاج يىغقان كىتابلارنى سېتىپ نامراتلارغا قۇتقۇزۇش قىلغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنى شان-شۆھرەت قازىنىشقا ئۇرۇندى دەپ قارىغان. شۇڭا ئۇ سەپداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق كۆرۈشكە بەل باغلىغان. بىرى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويغاچقا، ئۇ 1837-يىل 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆز شاگىرتلىرىنى ۋە شەھەردىكى نامراتلارنى باشلاپ، ئوساكا شەھىرىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئەتراپتىكى رايونلارغا چاقىرىقنامە چىقارغان. كاتتا سودىگەرلەرنىڭ دۇكانلىرى ۋە تۇرار جايىنى بۇزۇپ تاشلىغان. يېقىن ئەتراپىدىكى دېھقانلار كەينى-كەينىدىن قوزغىلىپ، ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان. قوزغىلاڭ شۇ كۈنىلا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. جەڭ داۋامىدا ئوساكا شەھىرىدىكى كوچىلارنىڭ ئوندىن تۆت قىسمى كۆيدۈرۈپ تاشلانغان. ئوشئو بىر ئايدىن ئارتۇق يوشۇرۇنۇپ، 3-ئاينىڭ 27-كۈنى سېزىلىپ قالغاندىن كېيىن بالىسى بىلەن بىللە ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، جايلاردا بىرنەچچە قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنى ئوشئونىڭ شاگىرتىمەن دەۋالغان.

ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى

  • ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى[يەشمىسى:]ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسى ۋە ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۇيۇشقان تاجاۋۇزچى ئىتتىپاقىدىكى فاشىست گېرمانىيىسى، ئىتالىيە ۋە ياپونىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ. «بېرلىن-رىم-توكيو ئوق مەركىزى» گە قارالسۇن. 

ئوكاداتا كېماتۇ

  • ئوكاداتا كېماتۇ[يەشمىسى:]1874- 1956) ياپونىيىلىك مېتېئورولوگىيە ئالىمى. تەبىئىي پەن دوكتورى. توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1923-يىلى مەركىزىي ھاۋا رايى ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ۋە قوشۇمچە دېڭىز-ئوكيان ھاۋا رايى ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى، توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1930-يىلى ھاۋا رايى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1931-يىلى ئىمپېرىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1949-يىلى مەدەنىيەت ئوردېنىغا ئېرىشكەن. بوراندىن سىگنال بېرىش ۋە دېڭىز-ئوكياننى كۆزىتىش ئۇسۇلىنى ئىشلەپ چىققان ھەمدە مەركىزىي ھاۋا رايى ئىستانسىسىنىڭ قارىمىقىدىكى ھاۋا رايى تېخنىكىسى بويىچە تەربىيىلەش ئورنى (ھاۋا رايى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكتى) نى قۇرۇپ، ياپونىيە مېتېئورولوگىيىسى ۋە ھاۋا رايى ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. «مېتېئورولوگىيىدىن نۇتۇق»، «مېتېئورولوگىيە»، «ھاۋا رايى ماشىنىلىرى ئىلمى»، «نەزەرىيىۋى مېتېئورولوگىيە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

ئوكادا كېسسۇكې

  • ئوكادا كېسسۇكې[يەشمىسى:]1868— 1952)، ياپونىيە باش ۋەزىرى (1934— 1936)، دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى. فوكۇي ۋاسسالىنىڭ ئوغلى. دېڭىز ئارمىيىسى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى ۋە ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. دېڭىز ئارمىيىسى ۋازارىتى كادىرلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ھەربىي كېمە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ھەربىي كېمە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1923-يىلى دېڭىز ئارمىيىسى مۇئاۋىن باش قوماندانى بولغان. ئىككىنچى يىلى ئادمىراللىققا ئۆستۈرۈلگەن ھەمدە بىرلەشمە فلوت قوماندانى بولغان. 1927-يىلدىن باشلاپ ئىككى قېتىم دېڭىز ئارمىيىسى مىنىستىرى بولغان (1927- 1929، 1932 - 1933). 1933-يىلى زاپاس قىسمىغا قويۇلغان. 1934-يىلى 7-ئايدا كابىنېت تەشكىللىگەن ھەمدە قوشۇمچە تەرەققىيات مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1936-يىلى 26-فېۋرال ۋەقەسى مەزگىلىدە، باش مىنىستىر سارىيى توپىلاڭچى ئارمىيىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، ئۇقۇشماسلىقتىن ئۆلتۈرۈلدى دېگەن گەپ تارقىلىپ، 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىستېپا بەرگەن. ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، قارشى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كېيىن توجو كابىنېتىغا قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ «ئەسلىمىلەر» دېگەن ئەسىرى بار. 

ئوكا مۇرانېيجى

  • ئوكا مۇرانېيجى[يەشمىسى:]1884— 1966)، ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى، ئۇرۇش جىنايەتچىسى. 1913-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1925- 1927-يىللىرى جۇڭگو مىلىتارىستى سۇن چۇەنفاڭنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1928-يىلى جىنەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1932-يىلى شاڭخەيگە ئەۋەتىلگەن قوشۇننىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى بولغان. كېيىن كانتون ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى بولغان. 1933-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى قىستاپ «تاڭگو كېلىشىمى» گە قول قويغۇزغان. 1934-يىلى شتاب باشقارمىسى ئىككىنچى باشقارمىنىڭ باشلىقى بولغان.1936-يىلى ئىككىنچى دىۋىزىئوننىڭ كوماندىرى بولغان. 1938-يىلى 6-ئايدا 11-ئارمىيىنىڭ قوماندانى بولغان.1941-يىلى 7-ئايدا «شىمالىي جۇڭگو يۆنىلىش ئارمىيىسى» نىڭ قوماندانى بولغان، 1944-يىلى 8-ئايدا ئالتىنچى يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى، شۇ يىلى 11-ئايدا «جۇڭگوغا ئەۋەتىلگەن ئارمىيە» نىڭ باش قوماندانى بولغان. جۇڭگودا كۆيدۈرۈپ تۈگىتىش، ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىش، بۇلاپ تۈگىتىشتىن ئىبارەت «ئۈچ تۈگىتىش سىياسىتى» نى ۋەھشىيلىك بىلەن يولغا قويغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن جۇڭگونىڭ يەنئەن تەرىپىدىن ياپونىيە باش ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن جياڭ جيېشى تەرىپىدىن قانات ئاستىغا ئېلىنىپ، مەخپىي ھەربىي مەسلىھەتچى قىلىنىپ، جياڭ جيېشى ئۈچۈن ئازاد رايونلارغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىشىپ بەرگەن. 1949-يىلى 2-ئايدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قويۇپ بېرىشى بىلەن، ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەن.1956-يىلى كونا ھەربىيلەر تەشكىلاتى ياپونىيە يۇرتداشلار ئىتتىپاقى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، مىلىتارىزمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان. 

ئوكاۋا كانېئاكى

  • ئوكاۋا كانېئاكى[يەشمىسى:]1886— 1957) ياپونىيە فاشىستىك ھەرىكىتىنىڭ نەزەرىيىچىسى، ئۇرۇش جىنايەتچىسى. 1911-يىلى توكيو ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر كۇرسىنى پۈتتۈرگەن. مانجۇرىيە تۆمۈريولى شەرقىي ئاسىيا ئىقتىسادىي تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، مۇدىرى بولغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەۋجۇدىيەت جەمئىيىتى، يەر-زېمىن جەمئىيىتى، مۇھاربىيە ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئوڭ قانات تەشكىلاتلىرىنى قۇرغان. ئىچكى جەھەتتە ھەربىي فاشىستىك ئىستىبداتلىقنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان، تاشقى جەھەتتە بۈيۈك ئاسىيا مەسلىكىنى تەرغىپ قىلغان. 1931-يىلى «مارت ۋەقەسى» ۋە «ئۆكتەبر ۋەقەسى» نى پىلانلاشقا قاتناشقان. 1932-يىلى «15-ماي ۋەقەسى» تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنغان. 1937-يىلى كەچۈرۈم بىلەن تۈرمىدىن چىققان،1939-يىلى سىياسىي قانۇن داشۆسىدە چوڭ قۇرۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، نېرۋىسىدىن ئاداشقانلىقتىن، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن دوختۇرخانىدا ياتقانلىقىدىن ئەيىبلەنمەي كەچۈرۈم قىلىنغان، «ياپونىيىنىڭ 2600 يىللىق تارىخى» دېگەن ئەسىرى بار، كېيىن «ئوكاۋا كانېئاكى ئەسەرلىرى» دىن يەتتە توم نەشىر قىلىنغان. 

ئوكتاۋىيە

  • ئوكتاۋىيە[يەشمىسى:]Octavia، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 11 - 07) قەدىمكى رىملىق ئاۋگوستوس (ئوكتاۋىئۇس) نىڭ ھەدىسى. دەسلەپ مارسېللۇسقا (C.Mareellus) تەگكەن، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئانتونىئۇس (مىلادىدىن 40 يىل ئىلگىرى) قا تەگكەن. ئېرى (ئانتونىئۇس) بىلەن ئىنىسى (ئوكتاۋىئۇس) بىر-بىرى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقاندا، ئۇلارنى كېلىشتۈرۈپ قويۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئاخىر ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. ئانتونىئۇس شەرقتىكى كېلىئوپاترا Ⅶ (مىسىرنىڭ ئايال پادىشاھى) گە ئاشىق بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن (مىلادىدىن 32 يىل ئىلگىرى)؛ ياندۇرقى يىلى ئانتونىئۇس ئوكتاۋىئۇستىن يېڭىلىپ قالغان. ئوكتاۋىيىنىڭ مارسىللۇستىن تاپقان ئوغلى ]ئۇنىڭ ئىسمىمۇ مارسېللۇس (M.Marcellus)[ نى ئاۋگوستۇس بېقىۋالغان ھەمدە ئۇنى ئۆزىنىڭ ۋارىسى قىلماقچى بولغان، بىراق ئۇ بالدۇرلا ئۆلۈپ كەتكەن. 

ئوكسۇس دەرياسى

  • ئوكسۇس دەرياسى[يەشمىسى:]يەنى ئامۇ دەرياسى. ھىندىقۇش تاغ تىزمىلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىن باشلىنىپ، يۇقىرى، ئوتتۇرا قىسىملىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئافغانىستاننىڭ چېگرا دەرياسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى تەرىپىدە كۆپلىگەن تارماقلىرى بار، تۆۋەن ئېقىمى تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ چېگرىسىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئارال دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. دەريانىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2540 كىلومېتر. قەدىمكى گرېك تىلىدا Oxus دەپ ئاتىلىدۇ. جۇڭگونىڭ «تارىخىي خاتىرىلەر»، «خەننامە» لىرىدە ۋىيشۈي دېيىلگەن. «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى» دا ئوشۈي دەرياسى، «سۈينامە» ۋە «كونا تاڭنامە»، «يېڭى تاڭنامە» لاردا ئوكسۇس دەرياسى دېيىلگەن بولۇپ، ئوكسۇس (Oxus) بىلەن ئاھاڭداش ئېلىنغان. 

ئو كوننور

  • ئو كوننور[يەشمىسى:]O Feargus Connor، 5581 - 4971)، ئەنگلىيە ئاساسىي نىزام ھەرىكىتىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى. ئەسلى يۇرتى ئېرلاندىيىدە بولۇپ، ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. Ⅹ[KG-*2]Ⅸ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ ئېرلاندىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1832-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1837-يىلى «قۇتۇپ يۇلتۇزى» گېزىتىنى چىقىرىپ، پۈتكۈل ھەرىكەتنىڭ تەرەققىياتىنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلغان، ئىشچىلارنىڭ ماقالىلىرىنى باسقان ھەمدە ھەرىكەتنىڭ سىياسەت، تاكتىكىلىرىنى تەشۋىق قىلغان، بۇ گېزىتنىڭ ئىشچىلار ئارىسىدىكى تەسىرى ناھايىتى كەڭ بولغان. كېيىن شىمالدىكى ئاساسىي نىزامچىلار چوڭ ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەرىكەت جەريانىدا ئىشچىلار ئاممىسىغا كۆپ قېتىم نۇتۇق سۆزلەپ، ئاساسىي نىزام ھەرىكىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىدا خېلى رول ئوينىغان. زورلۇق ئىنقىلابىنى تەشەببۇس قىلغان، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشچىلارنىڭ يېزىلارغا قايتىپ بېرىشىنى تەرغىپ قىلغان. 1843-يىلدىن باشلاپ مەملىكەتلىك ئاساسىي نىزام جەمئىيىتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1840-، 1843-يىللىرى ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنغان. 1847-يىلى يەنە پارلامېنتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا زورلۇق ئىنقىلابىغا قارشى تۇرۇپ، مۇرەسسەلىشىش ۋە ئىسلاھاتچىلىققا مايىل بولغان. 1855-يىلى ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا ئۆلگەن. 

ئوكۇبو توشمىچى

  • ئوكۇبو توشمىچى[يەشمىسى:]1830 — 1878) ياپونىيىنىڭ مېيجى يىللىرىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش مەزگىلىدىكى مۇھىم ۋەزىر. ئادەتتە شوسۇكى دەپ ئاتىلىدۇ، كېيىن ئىچىزۇ دەپ ئاتالغان. تەخەللۇسى جادۇڭ. سامۇ ۋاسساللىقىدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك سامۇرايلىقتىن كېلىپ چىققان، ياش ۋاقتىدا ۋاسساللىق ھاكىمىيىتىنى ئىسلاھ قىلىش تەرەپدارى ئىدى. چىڭيىڭ يىلى مەھكىمىنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى بولۇپ قالغانىدى. سائىگو تاكامورى، كىدو تاكايوشى قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن مەھكىمىگە قارشى ئىتتىپاق (1866) قۇرغان. ئەسكەر چىقىرىپ مەھكىمىگە قارشى جازا يۈرۈشى قىلىش پىلانى (1867) نى تۈزگەن، پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە سىياسىي ئۆزگىرىشنى (1868) پىلانلىغان، مېيجى يىللىرىدا يېڭىلىققا كۆچۈش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان «ئۈچ ئەزىمەت» نىڭ بىرى. يېڭىلىققا كۆچۈش ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1868-يىلى مەسلىھەتچى، ئىككىنچى يىلى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1871-يىلى خەزىنە ۋەزىرى بولغان، شۇ يىلى ئىۋاكۇرا، تومومى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە ياۋروپا-ئامېرىكا ئەللىرىنى زىيارەت قىلغان، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن سائىگو تاكامورى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ «كورىيىگە قارشى يۈرۈش قىلىش نەزەرىيىسى» گە قارشى تۇرغان. 1874-يىلى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. ئىچكى جەھەتتە يەر بېجىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يېزا ئىگىلىك، سانائەتنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان. تاشقى جەھەتتە 1874-يىلى جۇڭگونىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىگە تاجاۋۇز قىلىشنى پىلانلاپ، چىڭ خاندانلىقى ھۆكۈمىتىنى 500 مىڭ سەر كۈمۈش تۆلەپ بېرىشكە مەجبۇر قىلغان؛1875-يىلى ھەربىي پاراخوت چىقىرىپ، چاۋشيەننىڭ كاڭخا ئارىلىنى توپقا تۇتقان، 1878-يىل 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، توكيودىكى جىۋىجىڭنەن دېگەن يەردە تۆرە شىمادا ئىچىرو تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىن «ئوكۇبو توشىمىچى خاتىرىسى» دىن ئىككى توم، «ئوكۇبو توشىمىچى ماقالىلىرى» دىن ئون توم نەشىر قىلىنغان. 

ئوكتاۋىئۇس

  • ئوكتاۋىئۇس[يەشمىسى:]Gaius Octavius) يەنى «ئوكتاۋىئان». «ئاۋگۇستۇس» قا قاراڭ. 

ئوكىسفورد نىزامى

  • ئوكىسفورد نىزامى[يەشمىسى:]1258-يىلى 6-ئايدا ئەنگلىيىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئوكىسفورد كېڭىشىدە تۈزگەن پادىشاھلىق ھوقۇقنى چەكلەش نىزامى بولۇپ، ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىⅢ قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇنىڭدا: 15 نەپەر ئاقسۆڭەكتىن تەركىب تاپقان كېڭەشنىڭ (15 كىشىلىك كېڭەش دەپ ئاتالغان) كورۇلنى نازارەت قىلىش، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان. ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرىقى 15 نەپەر ئاقسۆڭەك ۋە قايتىدىن سايلانغان 12 نەپەر ئاقسۆڭەكتىن «پارلامېنت» تەشكىللىنىپ، ئۇلار ھەر يىلى ئۈچ قېتىم يىغىن ئېچىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى مۇزاكىرىلەشكەن. ئاقسۆڭەك ئولىگارخلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى رىتسارلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ بۆلۈنۈش پەيدا بولغان. 1261-يىلى كورۇل ھېنرىⅢ بۇ كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقتىن، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىغا سەۋەبچى بولغان (1263 — 1267).

ئوكىسفورد ئىلمىي ئېقىمى

  • ئوكىسفورد ئىلمىي ئېقىمى[يەشمىسى:]ئەنگلىيە بۇرژۇئا تارىخ ئىلمىي ئېقىمى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بارلىققا كەلگەن. ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخشۇناسلىرىنى ئاساس قىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى ۋېليام سىتپوبېسى. كېمبرىج ئىلمىي ئېقىمىدىكىلەر بىلەن ئوخشاشلا ئەينى چاغدىكى ئاتاقلىق تارىخ ئىلمىي ئېقىمى بولۇپ، ئىككى ئېقىمنىڭ ئوتتۇرىسىدا پرىنسىپال ئىختىلاپ يوق. ئوكىسفورد ئىلمىي ئېقىمىدىكىلەر ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى، دېموكراتىك سىياسەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلىپ، ئىقتىسادىي ئامىللارنىڭ رولىغا سەل قارايدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى: فرېمان (Freeman)، فرۇدې (Froude)، گرىم (Grcmm)، بريسې (Bryce) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

ئوگاريوۋ

  • ئوگاريوۋ[يەشمىسى:]Николай Платонович Огарёв، 1813— 1877)، روسىيىلىك سىياسىي ئوبزورچى، شائىر. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. موسكۋا داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، گېرتسېن بىلەن بىرلىكتە ئىنقىلابىي ئىدىيىلەرنى تەشۋىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى قۇرغانلىقتىن، سۈرگۈن قىلىنغان. 1856-يىلى چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. لوندوندا گېرتسېن بىلەن بىرلىكتە «قۇتۇپ يۇلتۇزى»، «ئومۇمىي خەلق مۇنبىرى» ۋە «سائەت ئاۋازى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللارنى نەشىر قىلغان. ياش ۋاقتىدا دېكابرىستلارنىڭ ئىدىيىۋى تەسىرىگە ئۇچراپ، تەرەققىيپەرۋەر ئاقسۆڭەكلەر ئىنقىلابنىڭ ئاساسىي كۈچى دەپ قارىغان؛ كېيىن دېھقانلار ئىنقىلابىنى تەشەببۇس قىلغان. 1861-يىلىدىن كېيىن ئىنقىلابىي دېموكراتىزم مەيدانىغا ئۆتۈپ، چار پادىشاھ تۈزۈمىنى دەرھال يوقىتىشقا چاقىرغان ھەمدە «روسىيە دېھقانلار سوتسىيالىزمى» دىن ئىبارەت خىيالىي نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كېيىن «يەر ۋە ئەركىنلىك جەمئىيىتى» نى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ «يۇمۇر»، «يېزا»، «قاۋاقخانا»، «قىش كۈنىدىكى يول» قاتارلىق لىرىك شېئىر ۋە سىياسىي ئوبزورلىرى يانچىلارغا بولغان ھېسداشلىق، مۇستەبىت تۈزۈمگە بولغان ئۆچمەنلىك بىلەن تولغان. پەلسەپە جەھەتتە، ئادەمنىڭ ئېڭى تەبىئەت ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىدېئالىزم ۋە تەجرىبىچىلەرنىڭ بەزى نۇقتىئىنەزەرلىرىگە قارشى تۇرغان ھەمدە تارىخىي تەرەققىياتنىڭ قانۇنىيەتلىكى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ تارىختىكى رولىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، «شېئىرلار توپلىمى» قاتارلىق ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغان. 

ئوگولىنى

  • ئوگولىنى[يەشمىسى:]Amedeo Ugolini، 1896 — 1954) ئىتالىيىلىك يازغۇچى، ئىنقىلابچى. 1929-يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان. 1937-يىلى كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىپ، 1943-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 1943 — 1945-يىللىرى نېمىس ئىشغالىيەتچىلىرىگە قارشى كۈرەشكە قاتناشقان شۇنداقلا تەشۋىقات ژۇرناللىرىنى چىقارغان. ئۇنىڭ «چىراغ»، «ئون كۇپلېت نەسرىي شېئىر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ئوگداي خانلىقى

  • ئوگداي خانلىقى[يەشمىسى:]تۆت چوڭ موڭغۇل خانلىقىنىڭ بىرى. چىڭگىزخاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئوگداينىڭ سۇيۇرغال يېرى بولۇپ، ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى ۋە بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىدىكى جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئىمىل شەھىرى (ھازىرقى جۇڭگو شىنجاڭ رايونى دۆربىلجىن ناھىيىسىنىڭ شەرقىدە) نى پايتەخت قىلغان. Ⅹ[KG-*2]Ⅲ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئوگداينىڭ نەۋرىسى قايدۇ ئەلى بۇقانىڭ قۇبلايغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. كېيىن يەنە چاغاتاي خانلىقى بىلەن ئۇرۇشقان. 1275-يىلى قايدۇ يۈەن سۇلالىسىنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ئاشكارا قارشى چىققان. 1289-يىلى قوشۇن باشلاپ قاراقۇرۇمغا باستۇرۇپ بېرىپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ شىمالىي چېگرىسىغا تەھدىت سالغان. قۇبلاي قوشۇنغا ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ جەڭگە ئاتلانغان بولسىمۇ، قايدۇ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1298-يىلى قايدۇ يۈەن قوشۇنىنى قارا خىتايدا يەنە مەغلۇپ قىلغان. 1301-يىلى قايدۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى چابار يۈەن سۇلالىسىگە ئىتائەت قىلغان. 1310-يىلى ئوگداي خانلىقىنىڭ زېمىنى چاغاتاي خانلىقى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان. 

ئوڭ ئاغمىچىلىق

  • ئوڭ ئاغمىچىلىق[يەشمىسى:] «ئاغمىچىلىق»قا قارالسۇن.

ئولاۋⅠ

  • ئولاۋⅠ[يەشمىسى:]OlavⅠTryggvesson ، 968 — 1000)، نورۋېگىيە كورۇلى (995 — 1000). ھارالد ھائارفاگېر (ئالتۇن چاچلىق پادىشاھ) نىڭ چەۋرىسى. ياش ۋاقتىدا بالتىق دېڭىزىدا دېڭىز قاراقچىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان. ئەنگلىيىگە ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلغان. مىلادى 991-يىلى باشقا ئىككى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ سەردارى بىلەن بىرلىكتە ئەنگلىيە كورۇلى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، 10 مىڭ فوند-ستېرلىڭغا ئىگە بولۇپ، بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇمىنى ئاخىرلاشتۇرغان. 994-يىلى 94 كېمىدىن تەركىب تاپقان فلوتىنى ئىشقا سېلىپ، ئەنگلىيىگە يەنە ھۇجۇم قىلغان. 16 مىڭ فوند-ستېرلىڭغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئۇرۇشنى توختاتقان. 995-يىلى نورۋېگىيىگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە كورۇل بولغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ھەمدە نورۋېگىيە، ئىسلاندىيە ۋە گرېنلاندىيىنى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرۇشقا تىرىشقان. مىلادى 1000-يىلى بىر قېتىملىق يىراققا يۈرۈش قىلىش سەپىرىدە بالتىق دېڭىزىدىكى سۋولدېر (Svolder) ئارىلىنىڭ يېنىدا شۋېتسىيە-دانىيە بىرلەشمە فلوتىنىڭ يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ زەربە بېرىشىگە ئۇچراپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلاپ ئۆلگەن. 

ئولاۋⅡ (مۇقەددەس مۇرىت)

  • ئولاۋⅡ (مۇقەددەس مۇرىت)[يەشمىسى:]OlavⅡ Haraldsson،995— 1030).نورۋېگىيە كورۇلى(1016— 1029). ھارالد ھائارفاگېرنىڭ ئەۋرىسى. ياش ۋاقتىدا ئىنگلىز بوغۇزى، نورماند قاتارلىق جايلاردا دېڭىز قاراقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە دانىيىلىكلەر بىلەن سوقۇشقان. 1015-يىلى نورۋېگىيىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنى كورۇل دەپ ئاتىۋالغان ھەمدە بەش ئوپران قەبىلە باشلىقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1016-يىلى نېسجې (Nesje) نىڭ يېنىدىكى بىر قېتىملىق دېڭىز جېڭىدە نورۋېگىيىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھۆكۈمرانى گراف سىۋېئىن (Svein) نى مەغلۇپ قىلغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە جەنۇبتىكى بەزى قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ كۈچىنى يوقاتقان، ئاقسۆڭەكلەرنى باستۇرغان. كىشىلەرنى خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغان. ئوركنېي (Orkney) تاقىم ئاراللىرىغا بولغان مىتروپوللۇق ھوقۇقىنى قوغدىغان، يەنە دانىيىگە ھۇجۇم قىلىپ غەلىبە قازانغان. 1028-يىلى دانىيە كورۇلى كىنۇد نورۋېگىيىگە ھۇجۇم قىلغاندا، نورۋېگىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ روسىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1030-يىلى قايتىپ كېلىۋاتقىنىدا ئۆزىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ دۈشمەنگە ئۇچراپ، سىدىكىلىستا جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ ئۆلگەن. ئۆلگەندىن كېيىن، «مۇقەددەس ئولاۋ» (نورۋېگىيىنى قوغدىغۇچى ئىلاھ) دەپ ئاتالغان.

ئولپان يىغىش ساياھىتى

  • ئولپان يىغىش ساياھىتى[يەشمىسى:] قەدىمكى رۇسلارنىڭ دەسلەپكى بىرنەچچە ئەۋلاد كىنەزلىرىنىڭ ئۆزىگە تەۋە جايدا قورال كۈچى بىلەن ئولپان يىغىشتىكى بىر خىل ئۇسۇلى. Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، كىيېۋ-رۇستا فېئوداللىق مۇناسىۋەت تېخى تەرەققىي تاپمىغان، چوڭ يەر مۈلۈكچىلىكى ئەمدىلا مەيدانغا كېلىۋاتقانىدى. كىنەزلەر ئاساسەن قەرەللىك ئولپان يىغىش يولى بىلەن خەلقنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلاتتى، ھەر يىلى كۈزنىڭ ئاخىر، قىشنىڭ باشلىرىدا، كىنەز ياكى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئەسكەرلەرنى باشلاپ شەھەردىن چىقىپ، ۋولگا دەرياسىنى بويلاپ «ئولپان يىغىپ»، ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان يەرلەرنى ئايلىنىپ چىقىپ، بويسۇندۇرۇلغان ھەر مىللەت خەلقىدىن ئولپان، جۈملىدىن تېرە-تەسەك، ھەسەل، سېرىق موم قاتارلىق نەرسىلەرنى يىغاتتى، ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلغان ئاھالىنى قۇل دەپ ھېسابلايتتى. ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا ئولپان ۋە قۇللارنى كېمە بىلەن كونستانتىنوپولغا ئاپىرىپ ساتاتتى. يۇقىرى بېسىم ۋاسىتىسى بىلەن ئولپان يىغىش خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغايتتى. كىنەز ئىگور ساياھەت قىلغان چاغدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن درېۋالىئانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى. ئۇنىڭ خوتۇنى ئولگا يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈشىدىن قورقۇپ، ئولپان يىغىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغانىدى. كېيىن فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ كۈرىشىگە ئەگىشىپ، بۇنىڭ ئورنىنى پەيدىنپەي نەرسە بىلەن تۆلىنىدىغان يەر ئىجارىسى ۋە باج ئالغانىدى. 

ئولگا

  • ئولگا[يەشمىسى:]Ольга، تەخمىنەن 890— 969)كيېۋرۇس ھۆكۈمرانى(945 — 965 ياكى 969). ئىگورنىڭ ئايالى. مىلادى 945-يىلى ئىگور ئۆلگەندىن كېيىن، ئوغلى سۋياتوسلاۋ ئىگوروۋىچقا ۋەكالىتەن ھوقۇق تۇتقان. دېلىۋلىئانلارنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي شەھىرى ئىسكوروستاننى ئالغان ۋە كۆيدۈرۈۋەتكەن ھەمدە بىر قىسىم ئاھالىسىنى قۇل قىلىپ، يەنە بىر قىسىم ئاھالىدىن ئېلىنغان باجنى ئېغىرلاشتۇرغان. كېيىن ئىپتىدائىي سەييارە باج ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دائىمىيئارمىيە-ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنى قۇرۇپ، باجنى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات ئارقىلىق يىغىۋېلىشنى يولغا قويغان. 955 (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە 957)-يىلى ۋېزانتىيىنىڭ كونستانتىنوپول شەھىرىنى زىيارەت قىلىپ، داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىنغان ھەمدە خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 

ئولگېرد

  • ئولگېرد[يەشمىسى:]Ольгерд،؟— 1377)، لىتۋا كىنەزى (1345 — 1377). گېدىمىننىڭ ئوغلى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە دادىسىنىڭ روسىيىگە زېمىن كېڭەيمىچىلىكى قىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كيېۋ، چېرنىگوۋ شىۋىرسىك رايونىنى، ۋولىن رايونىنىڭ كۆپ قىسمىنى قوشۇۋېلىپ، زېمىنى كەڭ لىتۋا كىنەزلىكىنى تەدرىجىي قۇرۇپ چىققان.1368، 1370-، 1372-يىللىرى تېۋېر كىنەزلىكى بىلەن بىرلىشىپ، موسكۋا كىنەزلىكىگە ئۈچ قېتىم بېسىپ كىرىپ، موسكۋاغا ھۇجۇم قىلغان. ئىككىنچى قېتىم بېسىپ كىرگەندە موسكۋانى ئون كېچە-كۈندۈز قامال قىلىپ ئالالماي، سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈپ چېكىنىپ چىققان؛ موسكۋاغا ئۈچىنچى قېتىم ھۇجۇم قىلغاندا، ئالدىنقى قىسمى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، ۋەزىيەت پايدىسىز بولغانلىقتىن يول قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ، موسكۋا كىنەزى دمىترى ئىۋانوۋىچنىڭ موسكۋا كىنەزلىكى بىلەن تېۋېر كىنەزلىكىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئارىلاشماسلىق توغرىسىدىكى تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ دۆلىتىگە قايتقان. 

ئوللوئا مەخپىي دوكلاتى

  • ئوللوئا مەخپىي دوكلاتى[يەشمىسى:] «ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ مەخپىي ئاخباراتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1736 — 1744-يىللىرى ئىسپانىيىلىك ئالىم ۋە دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى ئوللوئا(Antoniode Ulloa،1716— 1795) پىرو باش ۋالىيسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايونلارنىڭ ئەينى ئەھۋالىنى كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئىسپانىيە كورۇلىغا يوللىنىدىغان مەخپىي دوكلاتنى يېزىپ چىققان. دوكلاتتا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئەمەلدارلىرى ۋە دىنىي ئەمەلدارلارنىڭ ئىندىئانلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ئەھۋالى ۋە يېرىم ئارالدىكى كىشىلەر بىلەن يەرلىك ئاق تەنلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار تەپسىلىي بايان قىلىنىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكە ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىكى ۋە مونوپول قىلىشى جەنۇبىي ئامېرىكا خەلقلىرىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاۋاتقان سەۋەب ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. 1748-يىلى دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئېتىبارغا ئېلىنمىغان. 

ئولمۇس كېلىشىمى

  • ئولمۇس كېلىشىمى[يەشمىسى:] پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىش يولىدا ئىمزالىغان كېلىشىم. ئاۋسترىيە پرۇسسىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيە قۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئۈچ كورۇل ئىتتىپاقىغا توسقۇنلۇق قىلغان ھەمدە 1850-يىلى 5-ئايدا مايىن دەرياسى بويىدىكى فرانكفورتتا گېرمانىيە شتاتلىرى ۋەكىللەر يىغىنى چاقىرىپ، شتاتلار بىرلەشمىسى پارلامېنتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن. پرۇسسىيە كورۇلى فرېدرىخ ۋىلھلىمⅣ ئۆزىنىڭ گېرمانىيىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى قورال كۈچى بىلەن قوغداشنى قارار قىلىپ، ھەربىي سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بارغان. روسىيە بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ ئاۋسترىيىنى قوللىغان. روسىيىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا، 1850-يىل 11-ئاينىڭ 29-كۈنى پرۇسسىيە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى مانتېيفېل (Otto Thedor Manteuffel، 1805— 1882) بىلەن ئاۋسترىيە باش ۋەزىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى شىۋارسېنبېرگ ئولمۇستا كېلىشىم ئىمزالىغان. كېلىشىمدە پرۇسسىيە ئۈچ كورۇل ئىتتىپاقىنى تارقىتىۋېتىش، ئەسلىدىكى شتاتلار بىرلەشمىسى پارلامېنتىنى ئېتىراپ قىلىش بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە 1848-يىلى ئىنقىلابنىڭ ھارپىسىدىكى سىياسىي ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن. 

ئولمېدو

  • ئولمېدو[يەشمىسى:]Jose Joaqum de Olmedo، 1780 — 1847). ئېكۋادورنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى (1830)، شائىر. گۇايا كۇيلى ( Guaya quil)، كۇيتو (Quito) ۋە لىمادا ئوقۇغان. 1803-يىلى چەكلەنگەن كىتابلارنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، لىما دىنىي سوت تەرىپىدىن سوراق قىلغان. كۇيتو ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىگە كىرگەن. 1810-يىلى كادىز (Cadiz) پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، ئىسپانىيىگە بارغان. 1816-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ، بولىۋار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. 1820-يىلى گۇاياكۇيلى ھۆكۈمەت كومىتېتىغا رەئىس بولغان. 1830-يىلى ئېكۋادورنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان، 1845-يىلى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى داستان «خوننىڭ غەلىبىسى: بولىۋارغا مەدھىيە»، «ئون تۆت مىسرالىق شېئىر»، «سىڭلىمنىڭ ئۆلۈمى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

ئولورگېسايلې

  • ئولورگېسايلې[يەشمىسى:] ئافرىقا ئاچېئۇل مەدەنىيىتىنىڭ خارابىسى. شەرقىي ئافرىقىدىكى كىنىيىنىڭ پايتەختى نايروبىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن تەخمىنەن 65 كىلومېتر يىراقلىققا، شەرقىي ئافرىقا چوڭ يېرىقىنىڭ ئىچىدىكى ئولورگېسايىلې (Olorgsailie) غا جايلاشقان. يېڭىلىنىش ئەسىرى دەۋرىدىكى بىر كۆلنىڭ يېنىدىكى، كۆل سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، دۆۋىلىنىپ گىرەلىشىپ كەتكەن يەر بېتىدىن پالتا، نېپىز بىسلىق كېسىش ئەسۋابى ۋە ئۇرۇپ ئىشلەنگەن تاش ساقا قاتارلىقلاردىن نەچچە ئون مىڭ تال تېپىلغان، تاش قوراللارنىڭ شەكلى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە قېزىپ چىقىرىلغان تاشقا ئايلانغان ھايۋان سۆڭەكلىرىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ دەۋرى تەخمىنەن 400 مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئودوۋى تۆتىنچى قەۋىتىگە توغرا كېلىدۇ ياكى سەل كېيىنرەك بولۇشى مۇمكىن. خارابىدە قېزىپ چىقىرىلغان ۋاقىتتىكى ئەھۋال تولۇق ساقلانغان بولۇپ، ھازىر خارابە باغچىسى قىلىپ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن. 

ئولېگ

  • ئولېگ[يەشمىسى:]Олег، ؟ — 912) كيېۋ رۇس كىنەزى. قەدىمكى ھۈججەتلەردە يېرىم ئەپسانىۋى شەخس قىلىپ تەسۋىرلەنگەن ريورىكنىڭ تۇغقىنى. ريورىك ئۆلگەندىن كېيىن، مىلادى 879-يىلدىن باشلاپ نوۋوگوردنىڭ كىنەزى بولغان. كېيىن دېنىپىر دەرياسىنى بويلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، سىمولنىسكىدىكى كرۋىچلارنى بويسۇندۇرغان، تەخمىنەن 882-يىلى كيېۋنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانى ئاسكولد (Аскольд) ۋە دىر (Дир) نى ئۆلتۈرگەن. قوشنا دېلىۋلىئانلار، سېۋىرىئانلار ۋە لادمىچلارنى بويسۇندۇرغان ھەمدە ئۇلاردىن قەرەللىك ھالدا ئولپان ئېلىپ تۇرغان. ئۇ سىياسىي مەركەزنى نوۋوگوردتىن كيېۋغا كۆچۈرۈپ، دېنىپىر دەرياسى بىلەن ئىلمېن كۆلىنىڭ ئارىلىقىدىكى رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، كيېۋ روسىيىسىنىڭ كىنەزىگە ئايلانغان ھەمدە روسىيە زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. 907-يىلى دېڭىز ئارقىلىق كونستانتىنوپولغا يۈرۈش قىلىپ، غەلىبە قازانغان. 911-يىلى سۈلھ تىلىگەن ۋېزانتىيە بىلەن سۈلھ شەرتنامىسىنى تۈزۈپ، روسىيىنى كونستانتىنوپولدا ئەركىن سودا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلغان ھەمدە روسىيە بىلەن گرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئورناتقان. 

ئولىگارخىيە

  • ئولىگارخىيە[يەشمىسى:] گرېكچە Oligarchia نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. «ئولىگارخ ھاكىمىيىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھاكىمىيەتنى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىگىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئافىنادا، مىلادىدىن 411 يىل ئىلگىرى ئانتىپون باشچىلىقىدا تەشكىل قىلىنغان «400 كىشىلىك پارلامېنت» نىڭ ھۆكۈمرانلىقى، مىلادىدىن 404 يىل ئىلگىرى كرىتىئاس باشچىلىقىدىكى «30 زالىم پادىشاھ» نىڭ ھۆكۈمرانلىقى شۇنىڭغا كىرىدۇ. ئارستوتېل مۇنداق ھاكىمىيەت ئاز سانلىق بايلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ («سىياسىيشۇناسلىق») دەپ قارىغان. بەزىلەر سپارتادىكى ئىككى پادىشاھ، 28 ئاقساقال ۋە بەش تەپتىش ئەمەلىي ھوقۇق تۇتقان ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىقىنى ھەمدە رىم جۇمھۇرىيىتىدىكى سېنات، كونسۇل قاتارلىق ئاز ساندىكى چوڭ ئەمەلدارلار ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان ھاكىمىيەتنى ئاقسۆڭەك ئولىگارخىيىسى دەپ ئاتىغان. كېيىن ئومۇمەن ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار دۆلىتىدىكى ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئىنتايىن ئاز سانلىق كىشىلەر ئۆز ئالدىغا ئىگىلىۋالغان ھاكىمىيەتنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋردە ئىتالىيىنىڭ ۋېنېتسىيە، فلورېنسىيە قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى چوڭ ئەمەلدارلارنىڭ جەمەتلىرى تۇتقان ھاكىمىيەت مۇشۇنىڭغا كىرىدۇ. 

ئولمېك مەدەنىيىتى

  • ئولمېك مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]مېكسىكا قەدىمكى مەدەنىيىتىنىڭ «شەكىللىنىش دەۋرى» (ياكى «ئالدىنقى كلاسسىك دەۋرى» دەپ ئاتىلىدۇ) دىكى بىر خىل ئاساسىي مەدەنىيەت. ئاساسەن مېكسىكا قولتۇقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ۋېراكرۇز (Veracruz) ئوبلاستىغا تارقالغان. ئولمېك (Olmec) نىڭ مەنىسى «كاۋچۇك يۇرتىدىكى كىشىلەر» دېگەنلىك بولۇپ، كېيىن ئازتىكلار بۇ رايوندىكى مىللەتلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ شۇنداق ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، مەزكۇر قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ نامى قىلىنغان. ئولمېك مەدەنىيىتى مېكسىكا قەدىمكى مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنىڭ مەركىزى، شۇنداقلا دىنىي مەركىزى بولۇپ، ئۇنىڭ سەنئەت ئۇسلۇبى كېيىنكى ئەۋلادلارغا بىرقەدەر زور تەسىر كۆرسەتكەن. ساپال قاچىلارنىڭ تولىسىغا سىزىقچىلار نەقىش قىلىنغان، تاش قوراللار بىر قەدەر نەپىس ئىشلەنگەن. كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغىنى شۇكى، ھەر خىل تاش ئويما ۋە قاشتېشى ئويمىلاردىكى ئادەم رەسىملىرىدە يۈز شەكلى كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىپ ئىشلەنگەن. تاباسكو شتاتىدىكى لاۋېنتا (Laventa) دا ئېگىزلىكى ئىككى مېتر كېلىدىغان غايەت زور ئادەم بېشىنىڭ تاش ھەيكىلى تېپىلغان. ئەمما يوغان ئادەم بېشى تاش ھەيكەللىرى پەقەت دېڭىز قىرغىقىدىكى جايلارنىڭ مەركىزىي رايونلىرىدىلا بولۇپ، باشقا جايلاردا كىچىك ئادەم بېشى تاش ھەيكەللىرى تېپىلغان. بۇ مەدەنىيەت مېكسىكا قەدىمكى مەدەنىيىتىنىڭ «شەكىللىنىش دەۋرى» دىن «كلاسسىك دەۋرى» گە تەرەققىي قىلىشنىڭ باشلىنىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، ۋاقتى تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅻ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرگىچە توغرا كېلىدۇ.

ئولىمپىيە ماھارەت مۇسابىقىسى

  • ئولىمپىيە ماھارەت مۇسابىقىسى[يەشمىسى:] قەدىمكى زاماندىكى پۈتكۈل يۇنان ماھارەت مۇسابىقە يىغىنى. ئولىمپىيە (Olympia) پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى (جەنۇبىي يۇنان) نىڭ ئېلىس (Elis) رايونىدىكى كىچىك بىر پارچە ]تۈزلەڭلىك بولۇپ، خۇدا زېۋىسنىڭ چوڭ ئىبادەتخانىسى جايلاشقان ئورۇن (ئالتىس Altis — دەپ ئاتالغان، بۇ ئېلىس تىلىدا «مۇقەددەس ئورمان» دېگەنلىك بولىدۇ)، ئەتراپى تام بىلەن قورشالغان. مۇسابىقە يىغىنى ئەسلىدە يەرلىك ئاھالىنىڭ خۇدالارغا نەزىر-چىراغ قىلىش مۇراسىمى بولۇپ، كېيىن پۈتكۈل يۇناننىڭ خۇدا زېۋىسقا چوقۇنۇپ چوڭ نەزىر-چىراغ قىلىش مۇراسىمىغا ئايلانغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 776-يىلى (يۇنان يىلنامىسى «ئولىمپىياد» نىڭ باشلانغان يىلى) دىن باشلاپ، ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن. ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلىرى يۈگۈرۈش، يىراققا سەكرەش، دىسكا ئېتىش، نەيزە ئېتىش، ئات بەيگىسى ۋە كۈچ سىنىشىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، يەنە مۇزىكا، ناخشا ئېيتىش ۋە تىياتىر قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش نومۇرلىرىمۇ بولغان. يىغىن مەزگىلى ئادەتتە بەش-ئالتە كۈن بولغان. ئۇتۇپ چىققانلار زەيتۇن دەرىخىنىڭ شېخىدىن توقۇلغان گۈلچەمبىرەك بىلەن مۇكاپاتلانغان، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شەھەر دۆلىتىدە قىزغىن قارشى ئېلىنىپ، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش كەچۈرۈم قىلىنىش، باج تاپشۇرۇش كەچۈرۈم قىلىنىش قاتارلىق بەزى ئېتىبار بېرىشلەرگە ئېرىشكەن، باشقا ئەللەردىمۇ داڭقى چىققان. ماھارەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ چوقۇم يۇنان پۇقراسى بولۇشى بەلگىلەنگەن، مۇسابىقىدىن ئىلگىرى بەزى تۈرلەر مەخسۇس مەشق قىلىش تەييارلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن. ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرى ماھارەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە پۈتۈن يۇنان بويىچە «ئۇرۇش توختىتىش مۇقەددەس» بولۇپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار جازالانغان، شۇڭا ماھارەت مۇسابىقە يىغىنى يەنە «تىنچلىق» سىمۋولى مەنىسىگىمۇ ئىگە بولغان.مىلادى 394-يىلى رىم ئىمپېراتورى تېئودوسۇس Ⅰ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ مەنئى قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ھازىرقى «ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى» شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 

ئولىمپىياد

  • ئولىمپىياد[يەشمىسى:]Olympiad)، قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ بىر خىل يىلنامە ئۇسۇلى. قەدىمكى يۇناندىكى ھەرقايسى ئەللەر ھەر تۆت يىلدا جەنۇبىي يۇناندىكى ئولىمپىيەدە بىر قېتىم ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، تۇنجى قېتىملىق ئولىمپىياد ماھارەت مۇسابىقىسى مىلادىدىن 776 يىل ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن. قەدىمكى يۇنانلىقلار مۇشۇ يىلنى يىلنامىنىڭ باشلىنىشى قىلىپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر تۆت يىلنى بىر «ئولىمپىياد» قىلغان. بۇ خىل يىلنامە ئۇسۇلى تاكى مىلادى 394-يىلغىچە قوللىنىلغان.

ئولىۋارېس

  • ئولىۋارېس[يەشمىسى:]Gaspar de Guzmany pimentel,Conde duque de Olivares، 1587— 1645) ئىسپانىيە كورۇلى فىلىپ Ⅳ نىڭ يېقىن كىشىسى، باش ۋەزىرى (1621 — 1643). ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە ئوردىنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، يەرلىك ئايرىمىچىلىق خاھىشىنى باستۇرغان، يېڭى باجلارنى كۆپەيتكەن؛ سىرتقا قارىتا 1621-يىلى گوللاندىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشنى يېڭىباشتىن قوزغىغان («ئۇرۇشنى 12 يىل توختىتىش كېلىشىمى» گە قاراڭ)،1622-يىلى 30 يىللىق ئۇرۇشقا چېتىلىپ، ئىسپانىيىنى ئىقتىسادىي، سىياسىي جەھەتتە يەنىمۇ زاۋاللىققا ئېلىپ بارغان. 1640-يىلى كاتالونىدا قوزغىلاڭ پارتلىغان؛ شۇ يىلى پورتۇگالىيە ئىسپانىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان. 1643-يىلى خانىكە ئېسابىلا باشچىلىقىدىكى ئوردا گۇرۇھى فىلىپ Ⅳ نى ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاشقا مەجبۇر قىلغان ھەمدە ئوردىدىن قوغلاپ چىقارغۇزغان. 

ئولىۋېيرا مارتىنس

  • ئولىۋېيرا مارتىنس[يەشمىسى:]Joaquim Pedrode Oliveira Martins، 1845— 1894)، پورتۇگالىيىلىك تارىخشۇناس، سىياسىي ئەرباب. ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن، ئوقۇشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرالماي، سودا شىركىتىدە دۇكان خىزمەتچىسى بولغان. 1870-يىلى ئىسپانىيىگە بېرىپ كانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1874-يىلى مەملىكىتىگە قايتىپ كېلىپ تۆمۈريول نازارەتچىسى بولغان. 1884-يىلى پورتو سانائەت مۇزېيىنىڭ باشلىقى بولغان. ئىككى يىلدىن كېيىن پارلامېنتقا كىرگەن. 1892-يىلى مالىيە ۋەزىرى بولغان. ئىسپانىيىدە تۇرغان چاغدا بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىسپانىيە ياچېيكىسىغا كىرىپ، «سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى» ۋە «پورتۇگالىيە ۋە سوتسىيالىزم» دېگەن ئىككى كىتابىنى يېزىپ، پرودونچىلىقنى تەشۋىق قىلغان. مەملىكىتىگە قايتقاندىن كېيىن پرودوننىڭ تارىخىي كۆز قارىشى ئارقىلىق تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن گېگېل پەلسەپىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. «پورتۇگالىيە تارىخى»، «ئىبىلىيە مەدەنىيەت تارىخى»، «ئىرق ۋە ئىپتىدائىي مەدەنىيەت»، «رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 

ئوليانوۋ

  • ئوليانوۋ[يەشمىسى:]Александр Ильич Ульянов، 1866 — 1887) روسىيىدىكى چارروسىيە تۈزۈمىگە قارشى جەڭچى. لېنىننىڭ چوڭ ئاكىسى. 1883-يىلى پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەندىن كېيىن، ئىنقىلابىي پائالىيىتىنى باشلىغان. ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەخپىي تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ، ماركسىزم ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئىشچىلار ئارىسىدا ئىنقىلابىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. 1886-يىلى نارودنىكلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. ئىككىنچى يىلى 3-ئايدا چارروسىيە پادىشاھى ئالېكساندرⅢ نى ئۆلتۈرۈشكە قاتنىشىپ قولغا ئېلىنغان ۋە 5-ئايدا دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 

ئومەر

  • ئومەر[يەشمىسى:]El Hadi Omar Saidou Tall، تەخمىنەن 1797 — 1864). تۇكۇلل پادىشاھلىقىنى قۇرغۇچى، فرانسىيىگە قارشى كۈرەشنىڭ رەھبىرى. سېنېگالدىكى پودور (Podor) دا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا تىدجانىيە (Tidjaniya) دىنىي مەزھىپىگە كىرىپ، غەربىي سۇداننىڭ خەلىپىلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1848-يىلى ئۆزىنىڭ مۇرىتلىرى بىلەن بىرلىكتە دىنگۇئىرايې (Dinguiraye) دە ئولتۇراقلىشىپ، قوشۇن تەشكىللىگەن. 1850-يىلى غەيرىي دىندىكىلەرگە غازات ئېلان قىلىپ، قوشنا ماندىنگو (Mandingu) لىقلار ۋە بامبارى (Bambari) لىقلارنىڭ ئۇششاق بەگلىكىنى بويسۇندۇرغان. 1854-يىلى نيورو (Nyoro) نى ئىشغال قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقنى فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. 1857-يىلى فرانسىيە قوشۇنىنىڭ تايانچ بازىسى مېدنې (Medine) غا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئالالمىغان. 1861-يىلى سېگوئۇ (Segou) نى ئالغان، 1862 — 1863-يىللىرى ماشىنانى بويسۇندۇرۇپ، تىنباكتۇنى ئېلىپ، پادىشاھلىق قۇرغان. 1864-يىلى بىر قېتىملىق ئىچكى قالايمىقانچىلىقتا ئۆلگەن، ئورنىغا ئوغلى ئاخماندۇ ۋارىسلىق قىلغان. 

ئومورتاگ

  • ئومورتاگ[يەشمىسى:]Омортаг)، بۇلغارىيىنىڭ كىنەزى (815 — 831). كرۇمنىڭ ئوغلى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ۋېزانتىيە بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولغان ھەمدە ۋېزانتىيە ئىمپېراتورى مىخائېلⅡ گە ياردەملىشىپ، فوما قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن فرانكلار بىلەن پاننونىيىدە ئۇرۇشۇپ، سېربىيىنىڭ بىر قىسىم رايونىنى قوشۇۋالغان. مىلادى 821-يىلى پرېسلاۋ (Преслав) دا ئوردا سالدۇرۇپ، بىرىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقى ئىككىنچى پايتەختىنىڭ ئۇلىنى قۇرغان (بىرىنچى پايتەختى پلىسكا — Плиска ئىدى). 

ئومۇرا خۇتارۇ

  • ئومۇرا خۇتارۇ[يەشمىسى:]1855— 1911). ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى. يۈخي ۋاسساللىقى (بۈگۈنكى مىيادزاكى ناھىيىسى) دىكى ۋاسسال ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1871-يىلى داشۆ نەنشياۋ مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1874-يىلى ئامېرىكىدا ئوقۇغان. 1880-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ، ئەدلىيە تارمىقىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1884-يىلى تاشقى ئىشلار ۋازارىتىگە كىرگەن. 1893-يىلى 11-ئايدا جۇڭگودا تۇرۇشلۇق مۇۋەققەت ئەلچى بولغان. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ئۇرۇش تەھدىتى سالغان. «جاۋۇ ئۇرۇشى» (ئات يىلى) پارتلىغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەن.9-ئايدا تاجاۋۇزچى قوشۇن بىلەن بىرگە ئەندۇڭغا كېلىپ خەلق ئىشلىرى باشلىقى بولغان. 12-ئايدا تاشقى ئىشلار ۋازارىتىگە قايتىپ مەمۇرىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ جۇڭگو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى ئىگىلىۋېلىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسىنى «باكان شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. 1895-يىلى 10-ئايدىن 1896-يىلى 4-ئايغىچە كورىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغاندىن كېيىن 1898-يىلىدىن 1900-يىلىغىچە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1900-يىلى 5-ئايدا روسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1901-يىلىنىڭ باشلىرىدا جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. ئۇ باشقا كۈچلۈك دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى «شىنچيۇ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. شۇ يىلى 6-ئايدا ياپونىيىگە قايتىپ، كاتسورا كارو ئىچكى كابىنېتى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان.1902-يىلى ياپونىيە بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈشىنى ئىشقا ئاشۇرغان ھەمدە روسىيىگە قارىتىلغان تاشقى ئىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان. 1905-يىلى 7-ئايدا تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىل سۈپىتىدە پورتىسموۋوت يىغىنىغا قاتنىشىپ، «ياپونىيە-روسىيە سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، جۇڭگونىڭ كۆپلىگەن ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تارتىۋالغان. 1908-يىلدىن 1911-يىلىغىچە 2-نۆۋەتلىك كاتسورا تارو ئىچكى كابىنېتى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان.1910-يىلى 7-ئايدا ياپونىيە-روسىيىنىڭ ئىككىنچى مەخپىي شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان، 8-ئايدا چاۋشيەننى يۇتۇۋالغان. 1911-يىلى «ياپونىيە-ئەنگلىيە ئىتتىپاق شەرتنامىسى» گە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، چېگرا بېجى ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالغان. شۇ يىلى 8-ئايدا ئۆز ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 

ئومورى فۇساكچى

  • ئومورى فۇساكچى[يەشمىسى:]1868 — 1923). ياپونىيىلىك سېيسمولوگ (يەر تەۋرەشنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىم). لىشۆ دوكتورى، ئىمپېرىيە داشۆسى فىزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، 1894-يىلى گېرمانىيە ۋە ئىتالىيىدە ئوقۇغان. 1897-يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن توكيو ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ ئىشلىگەن. 1906-يىلى ئىمپېرىيە باكالاۋرلار يۇرتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1917-يىلى يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تەكشۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. يەر تەۋرەشنى ئۆلچىگۈچى ئەسۋابنى لايىھىلىگەن، يەر تەۋرەش زوناسىنى بايقىغان «ئومورى فورمۇلىسى» (دەسلەپكى يېنىك يەر تەۋرەش بىلەن تەۋرەش مەنبەسى ئارىلىقىنىڭ مۇناسىۋىتى) نى ئوتتۇرىغا قويغان، يانار تاغنى كۆزىتىپ، ياپونىيىنىڭ يەر تەۋرەشكە ئائىت تارىخىي ماتېرىياللىرىنى تەھرىرلەپ، ياپونىيىنىڭ يەر تەۋرەش ئىلمى ۋە يانار تاغ ئىلمى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر 100 پارچىدىن ئوشۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. «يەر تەۋرەش ئىلمى ھەققىدە لېكسىيە»، «ياپونىيىدىكى يانار تاغ تەزكىرىسى» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار. 

ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك

  • ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك[يەشمىسى:]«ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكى» گە قارالسۇن. 

ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش

  • ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش[يەشمىسى:]كىتاب ئىسمى. گېرمانىيە مىلىتارىستى، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش ھەربىي نەزەرىيىسىنىڭ ئىجادچىسى لۇدېندورفنىڭ ئەسىرى. 1935-يىلى نەشىر قىلىنغان. بۇ كىتابتا، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسى ئەتراپلىق بايان قىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش — دۆلەتنىڭ بارلىق ماددىي كۈچى ۋە مەنىۋى كۈچىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، قوراللىق كۈچتىن پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە پسىخىكىلىق كۈرەش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشتىن ئىبارەت دېيىلگەن؛ ئۇنىڭدا، سىياسىي جەھەتتە كېلىشىمدىن يۈز ئۆرۈشكە يول قويۇلغان، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۇرۇش ئېلان قىلماي تۇرۇپ ئۇرۇش باشلاش ئۇسۇلى تەشەببۇس قىلىنغان؛ بۇ خىل ئۇرۇش شەپقەتسىز ۋە ۋەيران قىلىش خاراكتېرىدىكى ئۇرۇش بولۇپ، دۈشمەن دۆلەتنىڭ ئاھالىسىگە تېررورلۇق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا يول قويۇلغان. ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش ئىدىيىسى بىلەن «چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇش» ئىدىيىسى نېمىس فاشىستلىرىنىڭ ھەربىي ئىشلىرىدىكى نەزەرىيىۋى ئاساسى بولۇپ، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش پىلانىنى تۈزۈشتە كەڭ تۈردە قوللىنىلغان. 

ئومىت تۇمشۇقى مۇستەملىكىسى

  • ئومىت تۇمشۇقى مۇستەملىكىسى[يەشمىسى:] «كاپ مۇستەملىكىسى». 

ئوندىن بىرنى ئۆلتۈرۈش قانۇنى

  • ئوندىن بىرنى ئۆلتۈرۈش قانۇنى[يەشمىسى:] قەدىمكى رىم ئارمىيىسىدە يولغا قويۇلغان بىرخىل جازالاش تۈزۈمى. بۇنىڭدا ئەسكەرلەرنىڭ جەڭدىن قېچىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئارمىيىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ساقلاش مەقسەت قىلىنغان. يەنى جەڭ مەيدانىدا مەغلۇپ بولغان ئەسكەرلەر قومانداننىڭ بۇيرۇقى بىلەن تىزىلىپ تۇرغاندا، ھەربىر ئونىنچى ساندىكى (ئونىنچى، يىگىرمىنچى، ئوتتۇزىنچى ........)بولۇپ سانالغانلار تارتىپ چىقىلىپ، كۆپچىلىك ئالدىدا ئۆلتۈرۈلەتتى. بۇنداق ۋەھشىيانە ھەربىي قانۇن ئاساسەن رىم تارىخىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كېلىپ چىققان، ئادەتتە ھەربىي ۋەزىيەت ناھايىتى جىددىي پەيتتە ئىجرا قىلىنغان، مەسىلەن: سپارتاك قوزغىلىڭىنىڭ (مىلادىدىن 73 — 71 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا) ئاخىرقى مەزگىلىدە، رىم ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلغان كراسسۇس ئوندىن بىرنى تارتىپ چىقىرىپ ئۆلتۈرۈشتەك رەھىمسىز جازانى قوللانغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ جەمئىي 4000 دەك ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق «ئۆزىنىڭ دۈشمەندىنمۇ دەھشەتلىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىكەن (ئاپپىئانۇسنىڭ سۆزى). 

ئونا

  • ئونا[يەشمىسى:]Pedro de Ona،1570— 1643) چىلىلىق شائىر. ئىسپانىيىلىك پاراخوت كاپىتانىنىڭ ئوغلى، چىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئانگول (Angol) دا تۇغۇلغان. 1590 — 1592-يىللاردا پېرونىڭ لىما شەھىرىدىكى سان ماركوس داشۆسىدە قانۇن ئۆگەنگەن. ئارمىيىدە خىزمەت قىلغان ھەمدە ئىندىئانلارغا جازا يۈرۈشى قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1596-يىلى 160 مىسرالىق ئېپىك داستان «ئاراۋكاننىڭ بويسۇندۇرۇلۇشى» (پەقەت بىرىنچى قىسمىنىلا يازالىغان) نى ئېلان قىلىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ چىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا بېسىپ كىرىشى ۋە ئىندىئانلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇشنىڭ ئۆتمۈشىنى تەسۋىرلىگەن، بۇ داستان جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ تەبىئىي مۇھىت شارائىتى تەسۋىرلەنگەن ئەڭ دەسلەپكى شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا «لىمادىكى يەر تەۋرەش»، «ۋاشياۋلو»، «ئىگناشئو دىكانتابولىيە» قاتارلىق شېئىرلىرى بار.

ئونكىئۇل

  • ئونكىئۇل[يەشمىسى:]Dimitrie Onciul، 1856 — 1923) رۇمىنىيىلىك تارىخشۇناس. 1884-يىلى چېرنوۋىس ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىمىنى ئاشۇرغان. 1895-يىلدىن باشلاپ بۇخارېست ئۇنىۋېرسىتېتىدا رۇمىنىيە تارىخى ۋە ئەدەبىياتىدىن لېكسىيە سۆزلەيدىغان پروفېسسور بولغان. 1900-يىلى رۇمىنىيە ئارخىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1905-يىلدىن باشلاپ رۇمىنىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 1920-يىلى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. «رۇمىنىيە كىنەزلىكىنىڭ كېلىپ چىقىشى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ئونويا سۇمارو

  • ئونويا سۇمارو[يەشمىسى:]؟—723) ياپونىيە نارا دەۋرىنىڭ دەسلەپكى چېغىدىكى ئوردا پۈتۈكچىسى. دوچىن پىنجىنىڭ ئوغلى دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. مىلادى 711-يىلى (ۋادونىڭ 4-يىلى)، تېننو موتوئاكىنىڭ پەرمانى بىلەن ھىئىبدا نوئارى بايان قىلغان «خاننىڭ كۈنلىرى» بىلەن «ھازىرقى زاماندىكى كونا سۆزلەر» نى خاتىرىلەپ، كېيىنكى يىلى يانۋاردا ئۈچ توملۇق «قەدىمكى ئىشلار خاتىرىسى» نى يېزىپ چىققان. 720-يىلى (يورونىڭ 4-يىلى) «ياپون مەكتۇپلىرى» نى تۈزۈشكىمۇ قاتناشقان. ئۇنىڭ قەبرىسى 1979-يىلى نارادىن تېپىلغان.

ئونويا سۇمارو قەبرىسى

  • ئونويا سۇمارو قەبرىسى[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ نارا دەۋرىدىكى قەدىمكى قەبرە. نارا شەھىرى تاۋاراماچىدىكى كونوسى تۆپىلىكىگە جايلاشقان. 1979-يىلى 1-ئايدا قېزىلغان. قەبرە ئىگىسى ئونويا سۇمارو، بۇ قەبرە ھازىرغىچە ياخشى ساقلىنىپ كەلگەن. ياپونىيىنىڭ ئەڭ قەدىمكى تارىخى كىتابى «قەدىمكى ئىشلار خاتىرىسى» نىڭ يازغۇچىسى. مىلادى 723-يىلى ئۆلگەن. ئۇ كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن دەپنە قىلىنغان. بۇ قەبرىدىن تۆت دانە مەرۋايىت، ئىككى پارچە تۆمۈر قاتارلىقلاردىن باشقا، يەنە بىر پارچە مىس تاختىلىق قەبرە تەزكىرىسى قېزىۋېلىنغان. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 29 سانتىمېتر، كەڭلىكى 6 سانتىمېتر، قېلىنلىقى بىر مىللىمېتر بولۇپ، قەبرە ئىگىسىنىڭ سالاھىيىتى ۋە ئۆلگەن ۋاقتى جەمئىي 41 خەنزۇچە خەت ئويۇلغان. بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى دەپنە ئادەتلىرى تەتقىقاتىنى ئېنىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، بەلكى ياپونىيىنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىي تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

ئونۇتوفو

  • ئونۇتوفو[يەشمىسى:]894 — 966) ياپونىيە خىراياسۇنىڭ ئوتتۇرا دەۋرىدىكى خەتتات. تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن مۇئاۋىن ئەلچى ئونۇ تاكامۇرا (802 — 852) نىڭ نەۋرىسى. ئۇ ۋاڭ شىجىنىڭ خەتتاتلىق ئۇسلۇبى ئاساسىدا ئۆز ئۇسلۇبىنى ياراتقان. مىلادى 927-يىلى (ياپونىيە يەنچاڭ 5-يىلى، جۇڭگونىڭ بەش دەۋر ۋە ئون پادىشاھلىق دەۋرىدە)راھىب كۈەنجيەن ئۇنىڭ ھەر خىل شەكىلدە يازغان خەتلىرىنى ئېلىپ جۇڭگوغا كەلگەن. كېيىن ئۇ دائىم ئوردىغا خەت يېزىپ بەرگەن. «ئۇستاز جىجىڭغا تەقدىم» قاتارلىق يازمىلىرى بار. ئۇ ياپونىيىنىڭ خەتتاتچىلىق تارىخىدا ئۆزىگە خاس شەكىلنى ياراتقانلىقى ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە ئورۇنغا ئىگە بولغان.

ئونۇ لىموكو

  • ئونۇ لىموكو[يەشمىسى:] ياپونىيە ئوشىكو سۇلالىسىنىڭ سۈي سۇلالىسىگە ئەۋەتكەن ئەلچىسى. سۈي سۇلالىسىدە سۇيىنگاۋ دەپ ئاتالغان. مىلادى 607-يىلى (تېننو ئوشىكونىڭ 15-يىلى، سۈي سۇلالىسى دايې 17-يىلى) دۆلەت خېتىنى ئېلىپ سۈي سۇلالىسىگە تۇنجى قېتىم بارغان. ئىككىنچى يىلى 4 -ئايدا سۈي سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى پى شېجىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ۋەتىنىگە قايتقان. شۇ يىلى 9-ئايدا يەنە ئەلچى بولۇش سۈپىتىدە چەتكە بېرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە راھىبلاردىن سەككىز كىشى بىلەن بىللە سۈي سۇلالىسىگە يەنە بىر قېتىم بارغان. 609-يىلى ياپونىيىگە قايتىپ كەتكەن.

ئونىن توپىلىڭى

  • ئونىن توپىلىڭى[يەشمىسى:]ئونىن فۇمياكى مالىمانچىلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياپونىيە باكو شوگونلۇقى — موروماچىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى فېئوداللار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توپىلاڭ بولۇپ، 1467-يىلى (ئونىننىڭ 1-يىلى) دىن 1477-يىلى (فۇمىياكنىڭ 9-يىلى) غىچە داۋام قىلغان، 6-ئەۋلاد سىياگۇن ئاشكاكا يوشىنورى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، باكو شوگونلۇقىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى فېئودال خوجىدار سودىكاۋا خوسوكا بىلەن ئەمرى مەھكىمىنىڭ ئەمرى يامانا موچىتوبولارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. 8-ئەۋلاد سىياگۇن يوشماسانىڭ دەسلەپ پەرزەنتى بولمىغانلىقتىن، ئۆزىنىڭ ئىنىسى يوشىمېنى سىياگۇن ۋارىسلىقىغا بەلگىلىگەن، كېيىن، يوشىتاكا تۇغۇلۇپ، سىياگۇن ۋارىسلىقى مەسىلىسىدە جېدەل چىققان. يوشىمى سودىكاۋاغا، يوشىتاكا ياماناغا تايانغان. 1467-يىلى ئۇرۇش باشلىنىپ، مەملىكەت بويىچە [SX(] 2 []3[SX)] قىسىم باش نازارەتچى تۆرىلەر ئارقا-ئارقىدىن بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان، سودىكاۋا تەرەپدارلىرى شەرقىي ئارمىيە، يامانا تەرەپدارلىرى غەربىي ئارمىيە دەپ ئاتالغان. 1473-يىلغا كەلگەندە يامانا موچىتويو، سودىكاۋا خوسوكالار ئىلگىرى-ئاخىر ئۆلگەن. ئاشكاگا يوشىتاكا 9-ئەۋلاد سىياگۇن بولغان. يامانا ماساتويو بىلەن سودىكاۋا ماساموتو مۇرەسسە قىلغان. 1477-يىلىغا كەلگەندە ئۇرۇش ئاساسەن ئاياغلاشقان. كىيوتو شەھىرى ئۇرۇش ئوتى بىلەن كۆيۈپ خارابىزارلىققا ئايلانغان، باكۇشوگناتىنىڭ ئىناۋىتى يەر بىلەن يەكسان بولغان. ھەرقايسى يەرلىك باش نازارەتچى-تۆرىلەرنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى مانداتلىق سامۇرايلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، يېغىلىق دەۋرىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلانغان.

ئون يىللىق ئۇرۇش

  • ئون يىللىق ئۇرۇش[يەشمىسى:]1868 — 1878-يىلى كۇبانىڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى بولۇپ، ئۇ 30 يىللىق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ئىدى. 1868-يىل 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، كۇبانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئوربېنتى ئۆلكىسىنىڭ مائېرىسترا تاغ رايونىدىكى يارا (Yara) كەنتىدە پومېشچىك، ئادۋوكات سېسپېدېس (Carlos Manuel de Cespedes، 1819 — 1874) ھەممىدىن ئاۋۋال مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىققا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭچىلارنىڭ شوئارى مۇستەقىل بولۇش ۋە قۇللۇق تۈزۈمنى يوقىتىش، ئۇنىڭ ئاساسلىق كۈچى ئەمگەكچى ئاممىدىن تەركىب تاپقان. قوزغىلاڭچى قوشۇن ئاگرامونتى (Ignacio Agramonte، 1841 — 1873)، گومېز ۋە ماسېئو قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە شەرقىي ئۈچ ئۆلكىنى تېزدىن قاپلىغان. 1869-يىلى 4-ئايدا، ئاساسىي قانۇن چىقىرىلىپ، مۇستەقىل بولغانلىقى جاكارلانغان، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان ھەمدە سېسپېدېس زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان (1869 — 1873). قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش يۈز بەرگەنلىكى ۋە ئىسپانىيىنىڭ كۆپلەپ ئەسكەر يۆتكەپ قورشاپ يوقىتىشى تۈپەيلىدىن، ئۇرۇشتا بۇرۇلۇش يۈز بەرگەن. 1878-يىلى 2-ئايدا «زان-خۇن شەرتنامىسى» ئىمزالانغان. كۇبا مۇستەقىللىككە ئىگە بولالمىغان. ئىسپانىيە بولسا چوڭ كەچۈرۈم قىلىشقا ماقۇل بولغان ھەمدە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان.

ئوھۇد غازىتى

  • ئوھۇد غازىتى[يەشمىسى:]ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى تارىخىدىكى بىر قېتىملىق جەڭ. مەككىنىڭ ئاقسۆڭەك باي سودىگەرلىرى بەدر غازىتىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قىساس ئېلىش ۋە سودا كارۋانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مىلادى 625-يىلى ئەبۇ سۇفياننىڭ قوماندانلىقىدا 3000 كىشىنى مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن، ئۇلار مەدىنىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئوھۇد (Uhud) جىلغىسىدا مۇسۇلمانلاردىن 1000 كىشى بىلەن جەڭ قىلغان. ئۇرۇش باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، مەككىلىكلەر يېڭىلىپ شىمالغا چېكىنگەن، لېكىن تاغ ئۈستىدە ئىستىھكام ساقلاپ تۇرغان مۇسۇلمانلار مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقىغا رىئايە قىلماي، ئۇلارنى تاغدىن چۈشۈپ قوغلىغان. مەككىلىكلەرنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئارقا تەرەپتىن تاغ چوققىسىنى قورشىۋېلىپ، مۇسۇلمانلارنى مەغلۇپ قىلغان. مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ يۈزى يارىلانغان، لېكىن مەككىلىكلەر مەدىنە شەھىرىگە ھۇجۇم قىلماي، ئەتىسى چېكىنىپ كەتكەن.

ئو. ھېنرى

  • ئو. ھېنرى[يەشمىسى:] يەنى «ۋىللىيام پورتېر».

ئو.ھىگىنىس

  • ئو.ھىگىنىس[يەشمىسى:]O. Bernardo Higgins، 1778 — 1842) چىلى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ رەھبىرى. چىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى چىللان (Chillan) دا باي پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياشلىق دەۋرىدە پېرو، ئىسپانىيە ۋە ئەنگلىيىدە ئوقۇغان، مىراندا قاتارلىق جەنۇبىي ئامېرىكا مۇستەقىللىك ھەرىكىتى رەھبەرلىرى بىلەن تونۇشقان. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 1810-يىلى چىلىنىڭ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مۇستەقىللىك ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1813-يىلى قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسىنىڭ ئالىي قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. 1814-يىلى ئىچكى سۈركىلىش تۈپەيلىدىن رانكاگۇا(Rancagua) دا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان، قالغان قىسىملىرىنى باشلاپ ئارگېنتىناغا چېكىنىپ، سان مارتىن تەشكىللىگەن ئاندېس ئارمىيىسىگە قوشۇلغان. كېيىن قوشۇننى باشلاپ چىلىغا كىرىپ، سان مارتېننىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ چاكابوكو (1817) ۋە (1818) جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قازانغان. 1818-يىل 2-ئاينىڭ 12-كۈنى چىلى مۇستەقىللىك جاكارلاپ، «ئالىي تەپتىش ھۆكۈمەت ئەمەلدارى» بولۇپ سايلانغان (1818 — 1823). ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلىدە جامائەت قۇرۇلۇش ئىشلىرى ۋە مائارىپنى راۋاجلاندۇرغان، چېركاۋنىڭ پائالىيىتىنى چەكلىگەن ھەمدە باشقا ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قوللانغان. بۇلار، مۇتەئەسسىپ پومېشچىكلار ۋە چېركاۋنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1823-يىلى ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلىپ پېروغا كەتكەن.

ئونېل

  • ئونېل[يەشمىسى:]Eugene O′Neill، 1888 — 1953)، ئامېرىكىلىق دراماتورگ. ئارتىس ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. خارۋارد داشۆسىدە ئوقۇغان. كان ئىشچىسى، ماتروس بولۇپ جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي ئافرىقىغا بارغان. كېيىن مۇخبىر بولغان. دەسلەپكى ئەسەرلىرىنىڭ تولىسى بىر پەردىلىك تىياتىر بولۇپ، ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان دېڭىز تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن. مەسىلەن: «شەرق كاردىفقا سەپەر»، «ئۇپۇق سىرتىدا». كېيىنكى ئىجادىيىتىدە سوژېت كۈنسايىن كېڭىيىپ بارغان: ئىرقىي كەمسىتىشنى پاش قىلىدىغان سەھنە ئەسىرى «ئىمپېراتور جونىس»، «تەڭرى پەرزەنتلىرىنىڭ قانىتى بار»؛ كىشىلەرنىڭ شەھۋانىي نەپسى ۋە ئىگىلىۋېلىش نەپسىنىڭ تراگېدىيىگە ئېلىپ بارىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن «قارىياغاچنىڭ ئۈلپىتى»،«ئاجايىپ قىستۇرما»، «قايغۇلۇق تەزىيە»؛ تۆۋەنكى قاتلامنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «سۇ توشۇغۇچى كەلدى»؛ تەرجىمىھال خاراكتېرلىك سەھنە ئەسىرى «كېچە ئۇزۇن، يول يىراق» قاتارلىقلار. ئۇ پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۆپىنچە ئىپادىچىلىك ئۇسۇلى بىلەن ئېچىپ بەرگەن.1936-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئوۋاھران شەرتنامىسى

  • ئوۋاھران شەرتنامىسى[يەشمىسى:] فرانسىيە بىلەن ئالجىرىيە ئىمزالىغان شەرتنامە. 1834-يىلى 2-ئايدا ئوۋاھران (Ouahran) دا ئىمزالانغانلىقتىن مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. شەرتنامىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: فرانسىيە ئالجىرىيىنىڭ غەربىي رايونى (دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەردىن باشقا)دىكى ئابدۇقادىر ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە بارلىق ئۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئەركىن ئېلىپ-سېتىشقا بولىدىغانلىقىنى جاكارلاش؛ فرانسىيە ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش؛ «ئورتاق ھۆكۈمرانلىق ئاستىدا ياشاۋاتقان» ئىككى دۆلەت خەلقى تىنچلىقتىن بىللە بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت. فرانسىيە «ئورتاق ھۆكۈمرانلىق» دېگەننى «فرانسىيە ھۆكۈمرانلىقى» دەپ بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەن ھەمدە 1835-يىلى ئۇرۇش قوزغىغان.

ئوۋچىلىق ئىگىلىكى

  • ئوۋچىلىق ئىگىلىكى[يەشمىسى:]بېلىقچىلىق-ئوۋچىلىق ئىگىلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىپتىدائىي ئادەملەر تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھايۋانلارنى ئوۋلاشنى ئۆزلىرىنىڭ تىرىكچىلىك ئېھتىياجىدىكى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى قىلغان. يىغىش ئىگىلىكى بىلەن بىر ۋاقىتتا مەۋجۇت بولغان بولۇپ، پۈتكۈل ۋارۋارلىق دەۋرىدىكى ئىنسانلارنىڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرىدىن بىرى. كونا تاش قوراللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىن ئوتتۇرا تاش قوراللار دەۋرىگىچە، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئوۋچىلىق ئىگىلىكى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي تاپقان. كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى دەسلەپكى مەزگىلدىكى مايمۇنسىمان ئادەملەر پەقەت كىچىك ھايۋانلارنىلا ئوۋلاپ يۈرگەن، كېيىنكى مەزگىلىدىكى مايمۇنسىمان ئادەملىرى (ئۆرە ماڭالايدىغان ئادەم) لەر ۋاقتىدا تاش پالتا، تاش ئۇچلۇق ياغاچ ساپلىق نەيزە ۋە گۈلخان قاتارلىقلار ئارقىلىق خېلى چوڭ ھايۋانلارنى ئوۋلايدىغان بولغان، كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە دەسلەپكى ئەقىللىق ئادەملەر (قەدىمكى ئادەملەر) توزاق، سالغا، تور قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئۆڭكۈر ئېيىقلىرىنى ئوۋلايدىغان دەرىجىگە يەتكەن. كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە ئوتتۇرا تاش قوراللاردەۋرىگە كەلگەندە كېيىنكى مەزگىلدىكى ئەقىللىق ئادەملەر (ھازىرقى زامان ئادەملىرى) ئوقيا قاتارلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ تېخىمۇ كۆپ، چوڭ ھايۋانلارنى ئوۋلاپلا قالماستىن، بەلكى سۆڭەكتىن ياسالغان نەيزە، ئارا ۋە قاماق قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ دەريا-كۆل بويلىرىدىن بېلىقلارنى تۇتۇپ، ئوۋچىلىق ئىگىلىكىنى بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق ئىگىلىكىگە تەرەققىي قىلدۇرغان. ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى بارا-بارا كېڭەيگەن. يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدە، ئوۋچىلىق ئىگىلىكتىن ئىپتىدائىي چارۋىچىلىق پەيدا بولغان. شۇنداق قىلىپ، ئەسلى ئاساسلىقى ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەركەكلەر چارۋىچىلىقنىڭ (كەينىدىنلا تېرىقچىلىق ئىگىلىكىنىڭ) خوجايىنلىرىغا ئايلىنىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بارا-بارا ئاياللارنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ باشقۇرۇش ئورنىغا ئۆتكەن.

ئوۋېن

  • ئوۋېن[يەشمىسى:]1) روبېرت ئوۋېن (Robert Oven، 1771 — 1858) ئەنگلىيىلىك خىيالىي سوتسىيالىزمچى. قول سانائەتچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئون يېشىدا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ تىرىكچىلىك قىلغان. 1791-يىلى كارخانا ئىگىسى بولغان. 1799-يىلى شوتلاندىيىدىكى يېڭى لانارك (New Lanark) تا فابرىكا ئېچىپ، خەير-ئېھسانچى سالاھىيەت بىلەن ئىشچىلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىغا كۆڭۈل بۆلگەن: ئىشچىلارنى بىرقەدەر ياخشى تۇرالغۇ جاي بىلەن تەمىنلىگەن؛ ھەمكارلىق سودا دۇكىنى ئاچقان؛ ئون ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن يەسلى، بالىلار باغچىسى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇپ بەرگەن ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن كەچكى مەكتەپ قاتارلىقلارنى قۇرۇپ بەرگەن. مائارىپ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىنى بىرلەشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى ۋە تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىش داۋامىدا بىلىمگە ئىگە بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ماركس ئەمگەك بىلەن ئوقۇتۇش بىرلەشتۈرۈلگەن بۇنداق تەجرىبە — «كەلگۈسى مائارىپنىڭ بىخى»، «بەلكى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان ئادەمنى يېتىشتۈرىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇل» دەپ ھېسابلىغان («ماركس-ئېنگېلس ئەسەرلىرى» 23-توم، خەلق نەشرىياتى 1972-يىل، خەنزۇچە نەشرى، 530-بەت). ئوۋېن ئادەم مۇھىتنىڭ مەھسۇلى، شۇڭا سوتسىيالىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىلا جەمئىيەتتىكى بارلىق جىنايەتنى تۈگەتكىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. 1824-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ سىناق تەرىقىسىدە كوممۇنىستىك «يېڭى ئىناق كەنت» قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئومۇم ئىگىدارلىق قىلىش ۋە كوللېكتىپ ئەمگەكنى يولغا قويغان. كېيىن ۋەيران بولۇپ مەغلۇپ بولغان. 1829-يىلى ئەنگلىيىگە قايتىپ كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىللەش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كوممۇنىزملىق تەشەببۇسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئىشچىلارنىڭ سىياسىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشىغا قارشى تۇرغان، ئاساسىي نىزام ھەرىكىتىنى قوللىمىغان، بىلىم تارقىتىشقا تايىنىپ ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى يوقىتىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتنى تۈگەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان ھەمدە ئۈمىدىنى رەھىمدىل ھۆكۈمرانلارغا باغلىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «يېڭى جەمئىيەت قارىشى» بار. (2) ۋاشىنگتون ئوۋېن (Washington Irving، 1783 — 1859). ئامېرىكىلىق يازغۇچى.نيۇ-يورك شەھىرىدىكى باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا قانۇن ئۆگەنگەن، ئەدەبىياتقا قىزىققان. 1804 — 1806-يىللىرى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئىتالىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلغان. 1807 — 1808-يىللىرى «سالمىنگاندا» ژۇرنىلىنى نەشىر قىلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باشلىغان. 1809-يىلى «نيۇ-يوركنىڭ غەيرىي رەسمىي تارىخى» نى نەشىر قىلغان. 1815-يىلىدىن كېيىن ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ساياھەت قىلىپ، نۇرغۇن خاتىرە ۋە ساياھەت خاتىرىلىرىنى يېزىپ چىققان.1826—1832-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ ئىسپانىيە، ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىدا خىزمەت قىلغان. 1842 — 1846-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. دەسلەپكى ئەسەرلىرىدە ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى زىددىيەتنى ئاشكارىلاپ، ئىندىئانلارغا قارىتا قىلىنغان قىرغىنچىلىقنى پاش قىلىپ، جېففېرسون زۇڭتۇڭ باشچىلىقىدىكى دېموكراتلارنى مەسخىرە قىلغان. لېكىن بۇرۇنقى چېركاۋنى پەردازلىغان. كېيىنكى ئەسەرلىرىدە كېڭەيمىچىلىك خاھىشىنى ماختىغان. ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن «ئاستورىيە»، «كۆرگەن-ئاڭلىغانلاردىن خاتىرە»، «گىلسىمىنىڭ تەرجىمىھالى»، «ۋاشىنگتوننىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىقلار بار.

ئوۋىدىئۇس

  • ئوۋىدىئۇس[يەشمىسى:]Publius Ovidius Naso، مىلادىدىن 43 يىل ئىلگىرى — مىلادى 17-يىل)، قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى شائىر. ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پائېلىگنى (Paeligni) شەھىرىنىڭ يېنىدىكى كىچىك بازار سۇلمو (Sulmo) دا، دۆلەتمەن رىتسار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىك ۋاقتىدا رىم ۋە ئافىنادا ستىلىستىكا ۋە قانۇن ئۆگەنگەن؛ يەنە سىتسىلىيە ئارىلى ۋە يېقىن شەرققە بېرىپ ساياھەت قىلغان. ياش ۋاقتىدىلا ئۆزىنىڭ شائىرلىق تالانتىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، رىم جەمئىيىتىنىڭ شاللاق تۇرمۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئەسەرلىرى چۈشكۈن، شەھۋانىيلىق ھېسسىياتىنى يۇقتۇرۇۋالغان. «مۇھەببەت ناخشىسى» ئۇنىڭ داڭقىنى چىقارغان دەسلەپكى ئەسىرى بولۇپ، 49 كۇپلېت شېئىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇ شائىرنىڭ تەبىئەت ۋە تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ھەمدە كورىننا (Corinna) دېگەن قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. «مۇھەببەت سەنئىتى» («مۇھەببەت نومى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان، ئۈچ توملۇق) دە ئىشىق-مۇھەببەتنىڭ تېخنىكىسىنى تەسۋىرلىگەن، ھەتتا ياش ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي مۇھەببىتىنى قىپيالىڭاچ تەسۋىرلىگەن؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆزىگە بىرمۇنچە كايىش-رىيازەتلەرنى تېپىۋالغان، شۇنداقلا ئىمپېراتور ئاۋگۇستۇسنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويغان. ئۇنىڭ كېيىنكى دەۋردە ئەڭ كەڭ تارقالغان ئەسىرى «شەكلى ئۆزگىرىش خاتىرىسى» («ئاينىش» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان، 15 توملۇق) بولۇپ، ئۇنىڭدا قەدىمكى ئەپسانىلەرنى تېما قىلىپ، ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكىنى ئاجايىپ ئۆزگىرىش (ئادەمنىڭ ھايۋان، ئۆسۈملۈككە ئۆزگىرىشى) لەرگە ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەدىبلەر تەرىپىدىن ماختالغان. ئۇ مىلادى 8-يىلى قارا دېڭىز بويىدىكى تومى (Tomi، ھازىرقى رۇمىنىيىنىڭ كونستانتا (Constanta ناھىيىسى) غا سۈرگۈن قىلىنىپ، يەتكىچە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن. ئۇ قايغۇ-ھەسرەتلىك ھېسسىيات بىلەن «قايغۇ ناخشىسى» (بەش توملۇق) ۋە «قارا دېڭىزدىن خەت» (تۆت توملۇق)نى يېزىپ، سەمىمىي ھېسسىيات بىلەن ئىمپېراتور ئاۋگۇستۇسنىڭ كەڭچىلىك قىلىشىنى تىلىگەن؛ ئەمما ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماي ياقا يۇرتتا ئۆلگەن. ئۈچ قېتىم تۇرمۇش قۇرۇپ، بىر قىز پەرزەنت كۆرگەن. ئۇنىڭ يەنە يېزىپ تۈگىتەلمىگەن داستانى «يىللار» (ئالتە توملۇق) دا رىم تارىخىنىڭ بەزى ماتېرىياللىرى ساقلىنىپ قالغان.

ئوئېسۇگى كېنشىن

  • ئوئېسۇگى كېنشىن[يەشمىسى:]1530 — 1578) ياپونىيىنىڭ يېغىلىق دەۋرىدىكى فېئودال خوجىدار. ئېچىگو (بۈگۈنكى نىئگاتا ناھىيىسى) نىڭ مۇۋەققەت مۇھاپىزەتچىسى نىگائو تامېكاگىنىڭ ئوغلى. ئىلگىرىكى ئىسمى ئاگىئۇ، 1561-يىلىدىن باشلاپ فامىلىسىنى ئوئېسۇگى دەپ ئۆزگەرتكەن. 1570-يىلىدىن كېيىن ئاندىن كېنشىن دەپ ئاتالغان. باتۇر، جەڭگە ماھىر. 1548-يىلى ئۆز قېرىندىشى كىيۇئاگىنىڭ ئورنىغا دەسسەپ كاسۇگا شەھىرىنىڭ خوجايىنى بولغان. 1561-يىلى كانتو باشلىقى ئوئېسۇگى كىتاجۇ ئوجماسا تەرىپىدىن قوغلانغاندا، ياردەم سورىغىلى كېلىپ، فامىلىسىنى ئوئېسۇگى، ئىسمىنى ماساتۇرا قىلىپ ئۆزگەرتكەن. 1562-يىلى ئاشىكاگا يوشىتېرۇنىڭ تېرۇ دېگەن سۆزىنى قوللىنىپ، تېرۇتورا دەپ قوللىنىپ، كانتونىڭ باشلىقى بولغان. 1553 — 1564-يىللاردا تاكېتا شىنگېن بىلەن ھازىرقى ناگانو ناھىيىسىنى تالىشىپ كۆپ قېتىم جەڭ قىلىپ 1561-يىلى كاۋاناكاجىما جېڭىدە مەغلۇپ بولغان. 1573-يىلى بۈگۈنكى توياما ناھىيىسىنى تىنچىتىپ، كاگا (ئىسئىكاۋا ناھىيىسى) گە ھۇجۇم قىلىپ ئۇدانو بۇناگا بىلەن تىركىشىپ تۇرغان. كېيىن كېسەل بولۇپ ئۆلگەن.

ئوئىكېنتارو

  • ئوئىكېنتارو[يەشمىسى:]1843— 1922) ياپونىيە ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى. ئەسلى فامىلىسى تاكانامى. بالىلىق ۋاقتىدىكى ئىسمى خىكوروكو، ياش دەۋرىدە خىمىيە ئۆگەنگەن. 1869-يىلى كىزوكورى رىنشو (1846 — 1847) دىن فرانسۇز تىلى ئۆگەنگەن ۋە فرانسىيىنىڭ سىياسىتى، قانۇنى ۋە ئىقتىسادىي ئىدىيىسىنى تەتقىق قىلغان. 1874-يىلى ماكىتو تىسوجرو دېگەن تەخەللۇس بىلەن ماقالە يېزىپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى مۇستەقىل قىلىشنى، ئومۇمىي سايلام يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلق سايلام پالاتاسىنى تەسىس قىلىشقا قارشى تۇرىدىغان ھۆكۈمەت تەرەپ ئالىمى كاتوخرويۇكى بىلەن بەس-مۇنازىرىلەشكەن. 1875-يىلى ۋەتەنپەرۋەرلەر جەمئىيىتىگە قاتناشقان. 1882-يىلى لىبېراللار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1885-يىلى چاۋشيەن مۇستەقىللىك پارتىيىسىنى قوللاپ، ئوساكا ۋەقەسىنى قوزغىغانلىقتىن قولغا ئېلىنغان، 1889-يىلى كەچۈرۈم قىلىنىپ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن بۈيۈك بىرلىك ئىتتىپاقلىقى ھەرىكىتىگە ئاتلانغان. كېيىن شەرقىي ئوكيان لىبېرال پارتىيىسىنى قۇرۇپ، ياپونىيە ئەمگەكچىلەر جەمئىيىتىنى ۋە ئىجارىكەش دېھقانلار نىزامىنى تەكشۈرۈش ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللەپ، ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە دېھقانلار ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان، ئۇنىڭ «ئېقىم مەسىلىلىرى توغرىسىدا»، «ئەركىنلىك ھەققىدە» دېگەن ئەسەرلىرى بار.

ئوياما ئىكوئو

  • ئوياما ئىكوئو[يەشمىسى:]1880 — 1955) ياپونىيە سىياسىئونى. ئىجتىمائىي پائالىيەتچىسى. ۋاسېدا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1910-يىلى گېرمانىيە ۋە ئامېرىكىدا ئوقۇغان. 1914-يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن ۋاسېدا داشۆسىدە پروفېسسور بولغان. 1917-يىلى «ئوساكا يوموئورى» گېزىتىنىڭ باشماقالە ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ، تېرائوسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل ئىچكى-تاشقى سىياسەتلىرىگە قاتتىق زەربە بەرگەن. 1920-يىلى يېڭىباشتىن ۋاسېدا داشۆسىگە پروفېسسور بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ۋە ئومۇمىي سايلام ھەرىكىتىگە پائال مەدەت بەرگەن. 1924-يىلى سىياسىي تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇشقا قاتناشقان.1926-يىلى ئەمگەكچى دېھقانلار پارتىيىسى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.1929-يىلى كاۋاكامى خاجىمۇ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە يېڭى ئەمگەكچى دېھقانلار پارتىيىسىنى قۇرغان. 1930-يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، 1932-يىلى ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن. 1947-يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن ۋاسېدا داشۆسىگە ئۈچىنچى قېتىم پروفېسسور بولغان. 1950-يىلى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، ئىككىنچى يىلى خەلقئارا تىنچلىقنى كۈچەيتىش يۈزىسىدىن ستالىن خەلقئارا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «سىياسەت جەمئىيەتنىڭ ئاساسى»، «ياپونىيىنىڭ ھازىرقى زامان سىياسىي جەريانى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. كېيىن «ئوياما ئىكوئو ئەسەرلىرى» دىن بەش توم نەشىر قىلىنغان.

ئوياما ئىۋا

  • ئوياما ئىۋا[يەشمىسى:]1842 — 1916) ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ مارشالى. سامۇ ۋاسساللىقىدىكى سامۇرايلىقتىن كېلىپ چىققان. پادىشاھنى ھۈرمەتلەپ، چەت ئەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقۇچى. ۋۇچىن ئۇرۇشى (بېلىق يىلى) ۋاقتىدا سامۇ ۋاسساللىق توپچى قىسمىنىڭ باشلىقى بولغان. مېيجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئىككى قېتىم فرانسىيىگە بېرىپ، ھەربىي ئىشلارنى ئۆگەنگەن. 1878-يىلى مەسلىھەتچىلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1880-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋەزىرى بولغان. 1882-يىلى قوشۇمچە مەسلىھەتچىلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1884-يىلى ياۋروپا ئەللىرىگە بېرىپ، ئارمىيە تۈزۈلمىسىنى تەكشۈرۈپ، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ئارمىيە تۈزۈلمىسىنى پائال ئىسلاھ قىلغان. 1885-يىلىدىن باشلاپ، ئالتە قېتىم قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان (1885 — 1896). جۇڭگو-ياپونىيە جاۋۇ ئۇرۇشى مەزگىلىدە 2-جۈننىڭ قوماندانى بولۇپ، قىسىملارنى باشلاپ، خۇايۇەنكۇ دېگەن يەردە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، داليەن، لۇشۇنلارنى ئىشغال قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنى قىرغان. ئۇرۇشتىن كېيىن مارشاللىققا ئۆسۈپ، باش سەنمۇجاڭ (1899 — 1904) بولغان. ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مانجۇرىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، ياپون ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا روسىيە ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشىغا قوماندانلىق قىلغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئاقساقال (1912-يىلى)، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى (1914 — 1916-يىللاردا) بولغان.

ئويو پادىشاھلىقى

  • ئويو پادىشاھلىقى[يەشمىسى:]نىگېرىيىدىكى يورۇبا قەبىلىسى قۇرغان پادىشاھلىق، پايتەختى ئويو (Oyo) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئەسلىدە يورۇبا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، نىگېرىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، ئۇ ئېبىنىن قولتۇقى بىلەن ئورمانلىق رايون ئوتتۇرىسىدىكى سودا يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇپ، كۈچلۈك ئاتلىق ئەسكەر قوشۇنى بار ئىدى. Ⅹ[KG-*2]Ⅷ ئەسىردە يورۇبا دۆلەتلىرىنىڭ ھاكىم بېگىگە ئايلانغان. 1726 — 1747-يىللاردا داھومىي پادىشاھلىقى بىلەن ئۇدا ئۇرۇش قىلىپ، ئۇنى بويسۇندۇرغان. 1817— 1818-يىللاردا ئىچكى ئۇرۇش يۈز بەرگەن، 20-يىللاردا فۇربىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئويو شەھىرى ۋەيران قىلىنغان، شۇنىڭدىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. 1893- يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان.

ئويۇي يۆ (ئوكۇسۇمى-كوشى) ۋاسساللار ئىتتىپاقى

  • ئويۇي يۆ (ئوكۇسۇمى-كوشى) ۋاسساللار ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ ۋۇچېن يىلى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شىمالدىكى ھەرقايسى ۋاسساللار تۈزگەن ھۆكۈمەتكە قارشى ھەربىي ئىتتىپاق. ۋۇچېن ئۇرۇشى (1868-يىل ئۇرۇشى) باشلانغاندىن كېيىن، ئايزو ۋە شوناي ئىككى ۋاسساللىق شوگناتقا سادىق بولغان، ھۆكۈمەتنىڭ ئوكۇسۇمىنىڭ ساتىراپى، باش ۋالىي كۇجو ئوكۇسۇمى ۋە كوشى رايونىدىكى ھەرقايسى ۋاسساللارنى بۇ ئىككى ۋاسساللىققا ھۇجۇم قىلىشنى بۇيرۇغان. سېنداي، يونېزاۋا قاتارلىق ئىككى ۋاسساللىق ئايزو ۋاسساللىقىغا جازا يۈرۈشى قىلىشقا قارشى چىققان ھەمدە مورىئوكا، ياماگاتا قاتارلىق 14 ۋاسساللىق بىلەن شىرائىشى (ھازىرقى مىياگى ناھىيىسى) دە ئۇچراشقان، كېيىن يەنە ئاكىتا، خىروساكى قاتارلىق 11 ۋاسساللىق قاتنىشىپ، 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئويۇيدىكى بىرقانچە ۋاسسال ئىتتىپاقىنى قۇرغان. كېيىن يەنە شىباتا، ناگائوكا قاتارلىق كېيىنكى ئالتە ۋاسسال قاتنىشىپ، ئويۇي ۋاسسال ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن. شىرائىشىدا مەسلىھەت مەھكىمىسى، فۇشىما ئارىلىدا ھەربىي جۇجۇق تەسىس قىلغان. ئىتتىپاققا قاتناشقان ۋاسساللىقلار شوناي، ئايزو ئىككى ۋاسساللىق بىلەن ماسلىشىپ، ئوكۇ، سۇمى قاتارلىق جايلاردا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي ئاكىتا ۋاسساللىقى ھەممىدىن ئاۋۋال چېكىنىپ چىققان، شىنجۇ ۋە خىروساكى قاتارلىق تۆت ۋاسساللىق ئۇلارغا ئەگەشكەن. 9-ئايدا سېنداي ۋە يونېزاۋا ئىككى ۋاسساللىق تەسلىم بولغان. 10-ئايدا ئايزو شەھىرى ئېلىنغاندىن كېيىن، شوناي ۋاسساللىقى تەسلىم بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئوكۇسۇمى-كوشى ۋاسساللار ئىتتىپاقى پارچىلانغان.