گ🔗

گ

گائاگا ئەھدىنامىسى

گائاگا تىنچلىق يىغىنى

گائاگا شەرتنامىسى

گائاگا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى كېلىشىمى

گابروۋىسكى

گاچۇپىنلار

گادىسدېن سېتىۋېلىش ۋەقەسى

گاراسانىن

گاردىنېر

گاررىسون

گارسىلاسو دې لاۋېگا

گارسىيە

گارسىيە لوركا

گارسىيە مورېنو

گارشىن

گارفېلد

گارنىئېر

گارنىئې

گارۋېي

گارىبالدى

گاستېين شەرتنامىسى

گاسكونې

گاللېگوس

گاللىيە

گاللىيە جەڭنامىسى

گاللىيە ئۇرۇشى

گالۋان

گالېن

گالېن

گالىچ كىنەزلىكى

گالىسۋورىس

گالىلېي

گامبېتتا

گامېلىن

گانا پادىشاھلىقى

گاندالا

گانداماك شەرتنامىسى

گاننىبال

گائو پادىشاھلىقى

گائۇتاما

گائۇس

گائۇماتا سىياسىي ئۆزگىرىشى

گاۋازى

گاۋباۋجىيى(خاناۋا خوكىچى)

گاۋجىڭمىڭ

گاۋچىدا جىجۇ(تاكاساكى تاتسۇنوسوكې)

گاۋچياۋ شىچىڭ (تاكاخاشى كورېكىيو)

گاۋرىل خلتېۋ

گاۋشەن جىنزو(تاكاسۇگى شىنساكۇ)

گاۋشياڭ شۇەنلى(تاكابۇكۇ كۇروماسا)

گاۋگۇلى(كوگۇريو)

گاۋمو جېنجى(تاكاكى ساداكىچى)

گائېنۇس

گاي

گايتان

گايتسكېلل

گايتى ئېسىلزادىلىرى

گايتى ئىنقىلابى

گايدار

گايسمائىر

گەردىزى

گەزمال بېجى

گەسكېل

گەندى

گەندى-ئېرۋىن كېلىشىمى

گەيسېرىك

گراسا ئارانخا

گراف

گراف براندېنبۇرگ

گراككۇس

گراما

گرامىسى

گرانادا ئەمىرلىكى

گرانت

گران چاكو ئۇرۇشى

گرانگې ھەرىكىتى

گرانوۋىسكى

گروتې

گروتېفېند

گروتېۋول

گروتيۇس

گروزا

گرۇسسېت

گرۇن

گرۇنۋارد جېڭى

گرېتسىيە خەلق ئىتتىپاقى

گرېتسىيە مۇستەقىللىك ئۇرۇشى

گرېتسىيە ئىچكى ئۇرۇشى

گرېچكۇ

گرېكوۋ

گرېگ

گرېگورې (تۇرسلىق)

گرېگورىⅦ

گرېگې

گرېۋي

گرېي

گرىبوئېدوۋ

گرېك پراۋوسلاۋىيە دىنى

گرىگورېسكۇ

گرىم

گرىمالدىلار

گرىمالدى ئۆڭكۈرى

گرىۋنا

گلادكوۋ

گلادىئاتور

گلادىستونې

گلىنسكې جەمەتى

گواڭبو

گوتا پروگراممىسى

گوتتۋالد

گوتچە ئىمارەت

گوتساك

گوتشالك

گوتلار

گوتلار ئۇرۇشى

گوتو شوجىرو

گوتىئانلار

گوچ

گودوي

گودۋىن

گودۋىن

گودېسبېرگ ئۇلتىماتۇمى

گورباتوۋ

گورچاكوۋ

گور خاندانلىقى

گوردون

گوركا خاندانلىقى

گوركى

گورگىياس

گورودسوۋ

گوريوكاكۇ ئۇرۇشى

گوزان ئەدەبىياتى

گوسپودار

گوسپېل (بەخت خەۋىرى)

گوسې

گوكالې

گوگول

گوڭشەن مەدەنىيىتى

گولدىشىمىدت

گولگ-ى

گوللاندىيە ئىلمى

گوللىستراند

گولوۋىن

گولىتسىن

گومپېرىس

گومرۇك بېجى ئىتتىپاقى

گومېر

گومېر داستانى

گومېر دەۋرى

گومېز

گۇناھتىن ساقىت قىلىش تۇمارى

گونجا شەرتنامىسى

گونچاروۋ

گونزالېس پرادا

گونزالېس مارتىنېس

گونسالۋېس دىياس

گۇيسې جەمەتى

گۇئارانىلار

گۇئاياكىل ئۇچرىشىشى

گۇبكىن

گۇپتا سۇلالىسى

گۇچكوۋ

گۇدېرىئان

گۇزەييۇ

گۇستاۋⅡ

گۇستاۋⅢ

گۇستاۋⅣ

گۇستاۋⅤ

گۇستاۋ ئادولف

گۇستاۋ ۋاسا

گۇسمان بلانكو

گۇڭبېن بەيخېزى (مىياموتو يۇرىكو)

گۇڭچى تاۋتيەن (مىيازاكى خىروشى)

گۇڭفۇ

گۇڭ يۆجۈن

گۇڭ يى

گۇلارت

گۇلدىن

گۇمانخورلار

گۇمانخورلۇق ئېقىمى

گۇمانىزملىق تارىخشۇناسلىقى

گۇمما ۋەقەسى

گۇۋاھنامىلىق دېھقانلار

گۇۋاھنامىلىق ئورتاقچى دېھقان

گۇئېسدې

گۇئىسدېچىلار

گۇئىسساردىنى

گۇيتەيلاڭ (كاتسۇرا تارو)

گۇيزوت

گۇيئېننې

گۆركارلار قوزغىلىڭى

گۈرۈچ توپىلىڭى

گۋېلىفچىلار

گېببلس

گېچېڭ (كاتسۇراگى) جەمەتى

گېدىمىن

گېراكىل

گېراكلىيە

گېررا جۇنكېيرو

گېرراززى

گېرتسېن

گېررېرو

گېرزونى

گېركۇلېس

گېرمانلار

گېرمانوس

گېرمانىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاق ئۇيۇشمىسى

گېرمانىيە-ئاۋسترىيە چېگرا بېجى ئىتتىپاقى

گېرمانىيە-ئاۋسترىيە كېلىشىمى

گېرمانىيە-ئاۋسترىيە ئىتتىپاق شەرتنامىسى

گېرمانىيە ئەمگەكچىلەر سېپى

گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ قوشۇلۇشى

گېرمانىيە-پولشا ئۇرۇشى

گېرمانىيە-پولشا ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى

گېرمانىيە تەزكىرىسى

گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتى

گېرمانىيە خەلق پارتىيىسى

گېرمانىيە خەلق سېپى

گېرمانىيە دۆلەت سوتسىيالىست ئىشچىلار پارتىيىسى

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى

گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيە جەمئىيىتى

گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسى قوزغىلىڭى

گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى

گېرمانىيە ستودېنتلىرى جەمئىيىتى

گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى

گېرمانىيە سوتسىيال دېموكرات ئىشچىلار پارتىيىسى

گېرمانىيە-فرانسىيە يىللىق مەجمۇئەسى

گېرمانىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى

گېرمانىيە مەكتەپلەر ئىتتىپاقى

گېرمانىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى

گېرمانىيە مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى

گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىك جەمئىيىتى

گېرمانىيە مىللىي سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى

گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابى

گېرمانىيە ئۈچىنچى ئىمپېرىيىسى

گېرمانىيە-ئىتالىيە ئوق مەركىزى كېلىشىمى

گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاق شەرتنامىسى

گېرمانىيە ئىتتىپاقى

گېرمانىيە ئىشچىلار بىرلەشمىسى

گېرمانىيە ئىشچىلار جەمئىيىتى

گېرمانىيە ئىقتىسادىي باش ئۇيۇشمىسى

گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى

گېرمانىيە-ياپونىيىنىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى كېلىشىمى

گېرمانىيىدىكى يانۋار سىياسىي ئىش تاشلىشى

گېرمانىيىگە قاراشلىق شەرقىي ئافرىقا

گېرمانىيىنىڭ 1848-يىلدىكى ئىنقىلابى

گېرمانىيىنىڭ شەرقىي چېگرا رايونى جەمئىيىتى

گېرموگېن مۇراجىئىتى

گېرۋىنۇس

گېرىن

گېزەندىلەر

گېستاپو

گېشوۋ

گېشى بېيزەي (كازۈنىشىكى كىتا)

گېگېل

گېڭ-كۈي توپىلىڭى

گېلدىيە سوتسىيالىزمى

گېلو دۆلىتى

گېن-تائىرالارنىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىشى

گېنت تۈزۈمى

گېنت سۈلھ شەرتنامىسى

گېنت قوزغىلىڭى

گېنت كېلىشىمى

گېنتېلې

گېنجى ھەققىدە قىسسە

گېنرو

گېنويە جۇمھۇرىيىتى

گېنويە يىغىنى

گېن يورىتومو

گېنيوشا

گېئورگىئو-دېچ

گېئورگېۋ

گېئورگېΙ

گېئورگېⅥ

گېئورگې توپۇⅠ

گېئورگىي دوسا قوزغىلىڭى

گېئورگې گرېي

گېئورگې مونك

گېئوفرېي

گېۋارا

گېۋاراچىلىق

گېيۇيمېن ئۆزگىرىشى

گېيېر

گىببون

گىببىس

گىبېللىنچىلار

گىتلېر

گىددىنگىس

گىدىي

گىرالدېس

گىرائۇد

گىرزا مەدەنىيىتى

گىروندېچىلار

گېرتسوگ

گىئېسېبرېخت

گىگانت تاش مەدەنىيىتى

گىگلى

گىلان جۇمھۇرىيىتى

گىلان قوزغىلىڭى

گىلگامېش داستانى

گىلگىن

گىللېرۇپ

گىلېمبۋې

گىئوبېرتى

گىئوتتو

گىئورگىئونې

گىم

گىمملېر

گنىيىسېناۋ

گيوتې

گيولىتتى

گيۇگو

گيېئوڭجۇ

ئىزاھى

گائاگا ئەھدىنامىسى

  • گائاگا ئەھدىنامىسى[يەشمىسى:]«گائاگا قائىدە-نىزامى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1899-، 1907-يىللىرىدىكى ئىككى قېتىملىق گائاگا يىغىنىدا ماقۇللانغان. 13 ئەھدىنامە ۋە بەزى باياناتلارنىڭ ئومۇمىي نامى. خەلقئارا قائىدە بويىچە تىزىلغان تەرتىپتىكى 13 ئەھدىنامە مۇنۇلار: (1) «خەلقئارا تالاش-تارتىشلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئەھدىنامىسى»؛ (2) «ئەسكىرىي كۈچ بىلەن قەرزنى قىستاشنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»؛ (3) «ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى توغرىسىدىكى ئەھدىنامە»؛ (4) «قۇرۇقلۇقتىكى ئۇرۇش قائىدە-نىزامى ۋە ئادەت قائىدىسى ئەھدىنامىسى»؛ (5) «قۇرۇقلۇقتىكى ئۇرۇش ۋاقتىدىكى بىتەرەپ دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ خەلقىنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ئەھدىنامىسى»؛ (6) «ئۇرۇش باشلانغان چاغدىكى دۈشمەن دۆلەت سودا پاراخوتلىرىنىڭ ئورنى توغرىسىدىكىئەھدىنامە»؛ (7) «سودا پاراخوتلىرىنى ئۇرۇش پاراخوتىغا ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى ئەھدىنامە»؛ (8) «ئاپتوماتىك سومىنالىرىنى ئورنىتىش ئەھدىنامىسى»؛ (9) «ئۇرۇش ۋاقتىدا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ توپقا تۇتۇشى ئەھدىنامىسى»؛ (10) «جەنۋە ئەھدىنامىسى پرىنسىپلىرىنىڭ دېڭىز ئۇرۇشىغا مۇۋاپىق كېلىشى ئەھدىنامىسى»؛ (11) «دېڭىز ئۇرۇشى ۋاقتىدا قولغا چۈشۈرۈش ھوقۇقىنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»؛ (12) «قولغا چۈشۈرۈلگەن نەرسىلەر خەلقئارا سوتى قۇرۇش توغرىسىدىكى ئەھدىنامە»؛ (13) «دېڭىز ئۇرۇشى ۋاقتىدىكى بىتەرەپ دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ئەھدىنامىسى». يۇقىرىدىكى ئەھدىنامىلەر (12-سىدىن باشقىسى) مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ، تا ھازىرغىچە ئەمەل قىلىنىۋاتىدۇ.

گائاگا تىنچلىق يىغىنى

  • گائاگا تىنچلىق يىغىنى[يەشمىسى:]1) تۇنجى قېتىملىق دۇنيا مىقياسىدىكى تىنچلىق يىغىنى. روسىيىنىڭ تەكلىپى بويىچە 1899-يىل 5-ئاينىڭ 18-كۈنى گائاگادا چاقىرىلغان. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، روسىيە، فرانسىيە، ياپونىيە، جۇڭگو قاتارلىق 26 دۆلەت قاتناشقان. ئۇنىڭ رەسمىي ۋەزىپىسى ھەربىي ھازىرلىقلارنى چەكلەش ۋە تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت، لېكىن ماھىيەتلىك قارار چىقىرىلمىغان، پەقەت «ھازىرقى دۇنيادا ئېغىر سېلىق بولۇپ تۇرغان ھەربىي خىراجەتنى چەكلەش» ئۈمىد قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈچ ئەھدىنامە ئىمزالانغان ھەمدە ھەربىي ھەرىكەتلەرنى چەكلەشنىڭ ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ئۈچ بايانات ماقۇللانغان. (2) ئىككىنچى قېتىملىق دۇنيا مىقياسىدىكى تىنچلىق يىغىنى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تېئودورې روزۋېلت تەكلىپ قىلغان، روسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، 1907-يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنى گائاگادا چاقىرىلغان. تۇنجى قېتىملىق يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر ۋە ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى بولۇپ جەمئىي 44 دۆلەت قاتناشقان. ئۇ 1899-يىلىدىكى ئۈچ ئەھدىنامىنى قاراپ چىققان ھەمدە يېڭىدىن ئون ئەھدىنامىنى ماقۇللىغان ھەمدە ئۈچىنچى قېتىملىق تىنچلىق يىغىنىنى ئورۇنلاشتۇرغان، بۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاش بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلمىغان.

گائاگا شەرتنامىسى

  • گائاگا شەرتنامىسى[يەشمىسى:] ئەنگلىيە بىلەن گوللاندىيە بىر تەرەپ، پرۇسسىيە يەنە بىر تەرەپ بولۇپ 1794-يىل 4-ئاينىڭ 19-كۈنى گائاگادا ئىمزالىغان فرانسىيىگە قارشى شەرتنامە. ئۇنىڭدا پرۇسسىيىنىڭ 64 مىڭ ئەسكىرىنى بېلگىيىگە ئەۋەتىپ فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشى بەلگىلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەنگلىيە بىلەن گوللاندىيىنىڭ پرۇسسىيىگە بېرىدىغان ئىقتىسادىي ياردىمىنىڭ سانى بەلگىلەنگەن. لېكىن كېيىن پرۇسسىيە ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، ئاۋسترىيە قوشۇنلىرى بېلگىيىدە فرانسىيە قوشۇنى تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 1794-يىلى كۈزدە بۇ شەرتنامىنى بىكار قىلغان.

گائاگا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى كېلىشىمى

  • گائاگا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى كېلىشىمى[يەشمىسى:] 1949-يىل 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتى، گوللاندىيە يۆلىگەن شتات رايونى گوللاندىيە بىلەن گائاگادا ئىمزالىغان بىرقاتار كېلىشىملەرنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن گوللاندىيە يۆلىگەن «شەرقىي ھىندونېزىيە قوشما شتاتى» ۋە «كالىمانتان شتاتى» بىرلىكتە ھىندونېزىيە قوشما شتات جۇمھۇرىيىتىنى تەشكىل قىلىدۇ، گوللاندىيە 1949-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن ئىلگىرى مەزكۇر قوشما شتات جۇمھۇرىيىتىگە «ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش» كېرەك؛ ھىندونېزىيە قوشما شتات جۇمھۇرىيىتى «گوللاندىيە-ھىندونېزىيە قوشما شتاتى» غا قاتنىشىشى، گوللاندىيە كورۇلىۋاسىنى «ئالىي دۆلەت باشلىقى» دەپ ئېتىراپ قىلىشى كېرەك؛ ھىندونېزىيە قوشما شتات جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار، دۆلەت مۇداپىئەسى، مالىيە، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە گوللاندىيە بىلەن «ھەمكارلىشىدۇ». ھەربىي جەھەتتە، گوللاندىيە ھىندونېزىيە قوشۇنىنى قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە ھىندونېزىيىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، قوشۇنلارنى تەربىيىلەشكە ياردەملىشىدۇ. سابىق گوللاندىيە-ھىندونېزىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنى ھىندونېزىيە قوشۇنىغا قوشۇۋېتىلىدۇ. مالىيە جەھەتتە ھىندونېزىيە گوللاندىيىنىڭ بۇرۇنقى بارلىق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ھەمدە سابىق گوللاندىيىگە قاراشلىق شەرقىي ھىندىستان مۇستەملىكە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى-تاشقى قەرزى بولغان 5 مىليارد رۇپىيىنى تۆلەيدۇ؛ غەربىي ئىرىئاننىڭ سىياسىي ئورنى مەسىلىسىنى، ئىگىلىك ھوقۇقى تاپشۇرۇپ بېرىلگەن كۈندىن تارتىپ بىر يىلغىچە ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىدۇ. بۇ كېلىشىم ھىندونېزىيىنىڭ يېرىم مۇستەملىكىلىك ئورنىنى بەلگىلەپ قويغانلىقتىن، ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1950-يىلى 8-ئايدا، ھىندونېزىيە «قوشما شتات جۇمھۇرىيىتى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1956-يىل 4-ئاينىڭ 21-كۈنى بۇ كېلىشىم پۈتۈنلەي بىكار قىلىنغان.

گابروۋىسكى

  • گابروۋىسكى[يەشمىسى:]Никола Xристов Габровский، 1864 — 1925) بۇلغارىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. 1889-يىلى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتناشقان. 1891-ۋە 1892-يىللىرى بۇلغارىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، پارتىيىنىڭ باش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1892 — 1894-يىللىرى «بالقان سوتسىيال دېموكراتلىرى مەجمۇئەسى» ۋە «ئىشچىلار گېزىتى» نى تەھرىرلەپ نەشىر قىلغان. 1894 — 1900-يىللىرى ۋە 1902 — 1903-يىللىرى مىللىي كېڭەشنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان، بىر مەھەل پارلامېنت يولىغا قىزىقىپ يۈرگەن. 1914-يىلى ئەگەشكۈچىلەر گۇرۇھىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئۆزگەرگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى پارتىيە ئۆمىكى پائالىيىتىگە قاتناشقان (1919 — 1923). كېيىن فاشىست ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

گاچۇپىنلار

  • گاچۇپىنلار[يەشمىسى:]Gachupines) شورالىقلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مېكسىكا مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرى يەرلىك خەلقنىڭ شىمالىي ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەن ئىسپانلارنى كەمسىتىپ ئاتىشى. دەسلەپⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرى بارلىققا كەلگەن. ئۇلار، ئومۇمەن جەمئىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى تەبىقىسى بولۇپ، يېڭى ئىسپانىيە باش ۋالىيلىق رايونىدىكى مەمۇرىي، ھەربىي تارماقلىرىنىڭ ئالىي مەنسەپلىرىنى ئۆتەپ، ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولۇپ كەلگەن. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ سانى تەخمىنەن 10 مىڭ كىشىدىن ئاشقان بولۇپ، باش ۋالىي رايونى ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ ناھايىتى ئاز قىسمىنى تەشكىل قىلغان. ئۇلار ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

گادىسدېن سېتىۋېلىش ۋەقەسى

  • گادىسدېن سېتىۋېلىش ۋەقەسى[يەشمىسى:] 1853-يىلى ئامېرىكىنىڭ مېكسىكا زېمىنىنى سېتىۋېلىش ۋەقەسى. ئامېرىكا-مېكسىكا ئۇرۇشى (1846 — 1848) مېكسىكىنى كەڭ زېمىنىنى ئامېرىكىغا بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر قىلغان. لېكىن ئامېرىكا بۇنىڭغا قانائەتلەنمىگەن. ئامېرىكا پۇرسەتپەرەسلىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆز ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئەتراپىدىكى يېڭىدىن بۆلۈۋېلىنغان يەرلەرنى سېتىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا جەنۇبتا تىنچ ئوكيانغا تۇتىشىدىغان تۆمۈريولنى سېلىش ئۈچۈن، مېكسىكىنىڭ شىمالىي رايونلىرىنى تارتىۋالماقچى بولغان. 1853-يىلى 7-ئايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى پېرس مېكسىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، مېكسىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچى گادىسدېنغا (James Gadsden، 1788 — 1858) تەھدىت سېلىش ۋە قىزىقتۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، مېكسىكا ھۆكۈمىتى بىلەن شىمالدىكى زېمىنىنى بۆلۈپ بېرىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە يوليورۇق بەرگەن. نەتىجىدە، 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ھازىر ئامېرىكىغا تەۋە بولغان ئارىزونا ۋە يېڭى مېكسىكا شتاتلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى كۆلىمى 105 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتردىن كۆپرەك كېلىدىغان زېمىننى سېتىۋالغان. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 1854-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى سېتىۋېلىش شەرتنامىسىنى تەستىقلىغان.

گاراسانىن

  • گاراسانىن[يەشمىسى:]Ilija Garasanin، 1812 — 1874) سېربىيە باش ۋەزىرى(1852 — 1853، 1861 — 1867). 1834 — 1837-يىللىرى تاموژنا ئەمەلدارى بولغان. 1837-يىلىدىن باشلاپ كىنەز مىلوس ئوبرېنوۋىچنىڭ دائىملىق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1842-يىلى ۋوچىچ (Toma Vucic،1790 — 1859) قوزغىغان مىخائىلو ئوبرېنوۋىچ (Mihailo obrenovic، 1839 — 1842-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) قا قارشى سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقان. ئىككى قېتىم ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان (1843 — 1852، 1858 — 1859). باش ۋەزىر، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تۇرغاندا، سودا بۇرژۇئازىيىسىگە ۋەكالىتەن تاشقى سىياسەت پروگراممىلىرىنى تۈزۈپ، تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى يۇگوسلاۋىيە رايونىنى سېربىيە پادىشاھلىق دۆلىتى ئاساسىدا ئازاد قىلىش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1866 — 1867-يىللىرى مونتېنېگرو، گرېتسىيە، رومىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بالقان ئىتتىپاقى (1866 — 1868)نى تەشكىللىگەن.

گاردىنېر

  • گاردىنېر[يەشمىسى:]Samuet Rawson Gardiner، 1829 — 1902) ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس. ۋىنچېستېر ئىنستىتۇتى ۋە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خرىستوس چېركاۋى ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. كېيىن ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئىنستىتۇتى ھازىرقى زامان تارىخى پروفېسسورى بولغان. 1891-يىلىدىن باشلاپ «ئەنگلىيە تارىخى ئوبزورى» نىڭ باش تەھرىرى بولغان. پۈتۈن ھاياتىنى ئەنگلىيىنىڭ ⅩⅦ ئەسىر تارىخىنى مۇھاكىمە قىلىشقا سەرپ قىلغان. «ئوبيېكتىپچىلىق» نى كۆككە كۆتۈرۈپ، ئىلىم-پەننى پۇختا تەتقىق قىلىپ، ئىپتىدائى ماتېرىياللارنى يىغىش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن، پارىژ، رىم، بريۇسسېل ۋە سىمانكاس (Simancas) قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ھەر خىل ھۈججەت ۋە ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىققان. ئۇ ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنى پروتىستانت ئىنقىلابى دەپ ئاتىغان. پروتىستانتلارنى ئىنقىلابنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، دىنىي قىزغىنلىق شۇ چاغدىكى ئەنگلىيىدە زور سىياسىي ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل دەپ ھېسابلىغان. ئەسەرلىرى بەكمۇ كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى «1603-يىلى جامېس Ⅰ نىڭ تەختكە چىققىنىدىن 1642-يىلى ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغانغا قەدەر بولغان مەزگىلدىكى ئەنگلىيە تارىخى» 10 توم، «1642 — 1649-يىللاردىكى ئەنگلىيە بۈيۈك ئىچكى ئۇرۇش تارىخى»، «1649 — 1660-يىللاردىكى جۇمھۇرىيەت ۋە ھامى دۆلەت ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى ئەنگلىيە تارىخى» ھەمدە «1625 — 1660-يىللىرىدىكى پروتېستانتلار ئىنقىلابىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىيغا ئالاقىدار ھۈججەتلىرى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

گاررىسون

  • گاررىسون[يەشمىسى:]William Lloyd Garrison، 1805 — 1879) ئامېرىكىدا قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش تەرەپدارى. مىسسىسىپى شتاتىدىكى ماتروس ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياغاچچى، باسمىخانا شاگىرتى بولغان. تەخمىنەن 1828-يىلى نىگېر قۇللۇق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1831-يىلى بوستوندا «ئازاد قىلغۇچى» ناملىق ھەپتىلىك ژۇرنالنى چىقىرىپ، قۇللۇق تۈزۈمنى دەرھال پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەشۋىق قىلغان. لېكىن ئەخلاقىي ۋەز-نەسىھەتلەرگە تايىنىپمۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. 1832-يىلى يېڭى ئەنگلىيە قۇللۇق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. 1833-يىلى ئامېرىكا قۇللۇق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. 1843 —1865-يىللىرى بۇ جەمئىيەتنىڭ رەئىسى بولغان. فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇنى قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويغانلىقتىن، ئۇ ھەتتا شىمالدىكى ئەركىن شتاتلارنىڭ فېدېراتسىيىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلغان. جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنى، ئالايلۇق، ئاياللارغا سايلام ھوقۇقى بېرىش، ھاراقنى چەكلەش، ئىندىئانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلغان.

گارسىلاسو دې لاۋېگا

  • گارسىلاسو دې لاۋېگا[يەشمىسى:]Garcilaso de la vega، 1539 — 1616) لەقىمى ئىنكا (ellnca). پېرۇلۇق تارىخشۇناس. پېرۇنىڭ كۇسكو دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، ئىسپانىيە ئوفىتسېرى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى ئىنكا پادىشاھىنىڭ قىز نەۋرىسى (ئىنكا مەلىكىسى) نىڭ ئوغلى. 1560-يىلى ئىسپانىيىگە كۆچۈپ كەلگەن. ئانىسىنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىپ، «خان جەمەتى توغرىسىدا مۇلاھىزە» نى تۈزۈپ چىققان، ئۇنىڭ بىرىنچى قىسمىدا ئىنكا ئىمپېرىيىسىنىڭ تارىخى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئىككىنچى قىسمىدا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ پېرۇغا بېسىپ كىرىش جەريانى خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭدا تارىخىي ماتېرىيال مول ھەمدە ناھايىتى يۇقىرى ئەدەبىي قىممەتكە ئىگە بولۇپ، ئىنكا ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇھىم يىلنامىسى ھېسابلىنىدۇ. يەنە «ئىنكادىكى فرورىدا» دېگەن ئەسىرى، «مۇھەببەت دېئالوگىدىن ئۈزۈندىلەر» قاتارلىق تەرجىمىلىرى بار.

گارسىيە

  • گارسىيە[يەشمىسى:]Calixto Garciay Inigues، 1839 — 1898) كۇبا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى، گېنېرال. 1868 — 1878-يىلغىچە بولغان. ئون يىللىق ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە ئوريېنتې ئۆلكىسىنىڭ قوماندانى بولغان، كېيىن ئەسىرگە چۈشۈپ، ئىسپانىيىدە تۈرمىدە ياتقان. ئون يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىن قويۇپ بېرىلىپ، نيۇ-يوركتا ئىنقىلابىي كۇبا كومىتېتىنى ئۇيۇشتۇرغان ھەم ئۇنىڭ رەئىسى بولغان. 1879-يىلى كۇباغا قايتىپ كېلىپ، داۋاملىق ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان. ئىككىنچى يىلى 8-ئايدا ئۇرۇشتا يەنە بىر قېتىم ئەسىرگە چۈشكەن. 1895-يىلى قېچىپ كېتىپ، كۇبا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1898-يىلى ئامېرىكا كۇباغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئامېرىكىغا بېرىپ، كۇبانىڭ مۇستەقىللىك مەسىلىسى ئۈستىدە ئالاقىلاشقان. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى ۋاشىنگتوندا قازا تاپقان.

گارسىيە لوركا

  • گارسىيە لوركا[يەشمىسى:]Federico Garcia Lorca، 1899 — 1936) ئىسپانىيىلىك شائىر ۋە تىياتىرچى. گرانادادا تۇغۇلغان. گرانادا ۋە مادرىد ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان. ئەسەرلىرى يۇرتىدىكى خەلق ناخشىلىرى ئەنئەنىلىرى، ئىسپانىيە ئەنئەنىلىرى ۋە يۇنان تراگېدىيىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۆلۈم ھەققىدىكى شېئىرلارنى يېزىش بىلەن نام-شۆھرىتى چىققان. لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ياۋروپا، ئامېرىكىلاردا تەسىرى بەكمۇ زور. تىياتىر ئۆمىكىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئويۇن قويغان. جۇمھۇرىيەتنى ھىمايە قىلغان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۇزۇن مىلتىقلىقلار بىلەن توقۇنۇشۇپ، گرانادا شەھەر ئەتراپى رايونىدا ئوق تېگىپ ئۆلگەن. ئۇنىڭ «شېئىر ئەركىنلىكى»، «سىگان ئۇسسۇلى مۇزىكىسى» دېگەن شېئىرلىرى؛ «دون كرىستوبائورنىڭ سۈرىتى»، «قېرى قىز توننا روكسىتا»، «قانلىق توي» دېگەن سەھنە ئەسەرلىرى؛ «تەسىرات ۋە مەنزىرە»، «بىر گلادىئاتورنىڭ ئۆلۈمىگە تەزىيە» قاتارلىق قىسقا ماقالىلىرى بار.

گارسىيە مورېنو

  • گارسىيە مورېنو[يەشمىسى:]Gabriel Garcia Moreno، 1821 — 1875) ئېكۋادور زۇڭتۇڭى (1861 — 1865، 1869 — 1875)، مۇستەبىت. ئىنتايىن ئوڭ قانات دىنىي كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى. يېڭى ئاساسىي قانۇن جاكارلاش ئارقىلىق 1862-يىلى ۋاتىكان ئالىي ھۆكۈمرانلىق ئورگىنى بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، ھۆكۈمەتنى چېركاۋنىڭ ئىرادىسىنى ئىجرا قىلغۇچىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، چېركاۋ مائارىپ، ئاخبارات، ئەدلىيە قاتارلىق تارماقلارغا ئارىلاشقان ھەمدە ئىلغار مۇتەپەككۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلغان. 1873-يىلى داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، دۆلەتنى «ئەيسانىڭ مۇقەددەس مۇرىتلىرى» غا ئىككى قوللاپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. كېيىن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن.

گارشىن

  • گارشىن[يەشمىسى:]Всеволод Михайлович Гаршин، 1855 — 1888) روسىيىلىك يازغۇچى. ئاقسۆڭەك ئوفىتسېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پېتېربۇرگ كان ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى (1877) غا قاتناشقان. «تۆت كۈن»، «زاراڭزا»، «قورقۇنچاق»، «سەنئەتكار»، «سىگنال» قاتارلىق ھېكايىلەرنى يېزىپ، چار پادىشاھ تۈزۈمىنىڭ زۇلمەتلىكلىكىنى پاش قىلىپ، نارودنىكلارنىڭ كۈرىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، شەخس پىداكارلىقى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئىللەتلىرىنى تۈگىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. لېكىن چىقىش يولى تاپالماي، روھى چۈشۈپ ئۈمىدسىزلەنگەن. 33 يېشىدا ئېلىشىپ قېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

گارفېلد

  • گارفېلد[يەشمىسى:]James Abram Garfield، 1831 — 1881) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1881-يىلى 3 — 9-ئايغىچە). جۇمھۇرىيەتچىلەردىن. ئوھىئو شتاتىدىكى نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا دېھقان، ياغاچچى ۋە كېمىچى بولغان. 1856-يىلى ۋىليام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ مۇدىرى ۋە مىسسىئونېر بولغان. 1859-يىلى ئوھىئو شتاتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە فېدېراتسىيە قوشۇنىغا قاتنىشىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدە گېنېرال مايور بولغان. 1863 — 1880-يىللىرى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. مېتال پۇلنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تارايتىشنى تەشەببۇس قىلغان، مەمۇرىي ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشقا ۋە يۇقىرى تاموژنا سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. 1880-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. زۇڭتۇڭ بولۇپ ئۇزۈن ئۆتمەي، پوچتا مىنىستىرلىكىنىڭ «يۇلتۇز ماركىلىق پوچتا يولى كۆز بوياش دېلوسى» نى بىر تەرەپ قىلىپ، ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. 1881-يىلى قەتل قىلىنغان.

گارنىئېر

  • گارنىئېر[يەشمىسى:]sois Garnier-Marie Joseph Fran، 1839 — 1873) فرانسىيىلىك مۇستەملىكىچى، دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى. 1868-يىلى فرانسىيە «تەكشۈرۈش ئۆمىكى» نى باشلاپ مېكونگ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى بولغان لەنساڭجياڭ دەرياسىنى تەكشۈرگەن، دەريانى بويلاپ يۇقىرىغا ئۆرلەپ قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن جۇڭگونىڭ يۈننەن ئۆلكىسىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، يۈەنجياڭ دەرياسى بىلەن دالىغىچە بارغان. 1868-يىلى يېبندىن يولغا چىقىپ چاڭجياڭ دەرياسى بىلەن شەرقتە شاڭخەيگە كەلگەن، كېيىن سايگونغا قايتىپ كەتكەن. 1873-يىلى قوشۇن باشلاپ كېلىپ ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىغا تاجاۋۇز قىلىپ، 11-ئايدا خانوي شەھىرىنى بېسىۋالغان ھەمدە خەيياڭ، نەندىڭ، نىڭپىن قاتارلىق ئۆلكىلىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان. خانوينىڭ باش ۋالىيسى رۇەن جىفاڭ ۋيېتنامدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن جۇڭگونىڭ قارا تۇغلۇقلار قوشۇنىنى ۋيېتنام بىلەن بىرلىكتە فرانسىيىگە قارشى تۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان. 12-ئايدا گارنىئېرخانوينىڭ سىرتىدا قارا تۇغلۇقلار قوشۇنى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان. ئۇنىڭ «كامبودژانىڭ شىمالىدا يول ئىزدەش خاتىرىسى»، «توڭكىڭ (باكبو) مەسىلىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

گارنىئې

  • گارنىئې[يەشمىسى:]Garniey)«مارى جوسېف فرانكوس گارنې»غا قاراڭ.

گارۋېي

  • گارۋېي[يەشمىسى:]Marcus Garvey،1887 — 1940) ئامېرىكا نېگىرلار ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى. يامايكادا تۇغۇلغان، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرگەن، 14 يېشىدىن باشلاپ نابورچىك بولغان، كېيىن ژۇرنالدا تەھرىرلىك قىلغان. ئوتتۇرا ئامېرىكا ۋە لوندون قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلغان. 1914-يىلى يامايكاغا قايتىپ كېلىپ، «پۈتۈن دۇنيادىكى نېگىرلار ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى» ۋە «ئافرىقىلىقلار تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقى» نى قۇرغان. 1916-يىلى ئامېرىكىغا كېلىپ، نيۇ-يوركنىڭ خالېم رايونىدا ئولتۇراقلىشىپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ بىرىنچى تارماق جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، نېگىرلارنى جەمئىيەتكە كىرىشكە كەڭ جەلپ قىلىپ، ئۆزى باش ئىش بېجىرگۈچى بولغان؛ ئورگان گېزىتى — «نېگىرلار دۇنياسى» نى نەشىر قىلىپ، «نېگىر قىساسچىلىقى» نى تەشەببۇس قىلغان. 1920-يىلى تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق پۈتۈن دۇنيا نېگىرلىرى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. 1921-يىلى ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى جاكارلاپ، ئۆزى ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ بولغان ھەمدە ئۆزىنى دۇنيا نېگىرلىرىنىڭ داھىيسى دەپ ئېلان قىلىپ، دۇبوئىس (Du Bois) قاتارلىقلارنىڭ تەنقىد قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان. 1923-يىلى «پوچتا خەت-خالتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەسسىدارلارنى ئالدىدى» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. تۈرمىدە جازاسى يېنىكلىتىلىپ، سۈرگۈن قىلىنغان. 1924-يىلدىكى ئىككىنچى قېتىملىق يىغىندا «ئافرىقىغا قايتىش» پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1935-يىلى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باش شتابىنى لوندونغا يۆتكىگەن. ئۇنىڭ ئىدىيىسى 60-يىللاردىكى نېگىرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن.

گارىبالدى

  • گارىبالدى[يەشمىسى:]Giuseppe Garibaldi،1807 — 1882) ئىتالىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئىنقىلابىي دېموكراتلارنىڭ داھىيسى، ھەربىي ئالىم. دېڭىزچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 15 يېشىدىلا پاراخوتتا پراكتىكانت ماتروس بولغان. ماززېنىنىڭ تەسىرى بىلەن، ياش ئىتالىيە پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1834-يىلى ساۋويىيە قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، ساردىنىيە پادىشاھلىقى دېڭىز ئارمىيىسىنى قوزغىلاڭ قىلىشقا قۇترىتىپ، مەغلۇپ بولۇپ، فرانسىيىگە كېتىپ، سىرتتىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. كېيىن جەنۇبىي ئامېرىكىغا كېتىپ، برازىلىيە جەنۇبىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر قوزغىلىڭى (1835 — 1845) ۋە ئورۇگۋاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغداش ئۇرۇشى (1836 — 1848) غا قاتنىشىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشىنىڭ مەشھۇر داھىيلىرىدىن بولۇپ قالغان. 1848-يىلى ئىتالىيىدە ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. پىدائىي قوراللىق قوشۇن تەشكىللەپ، ئاۋسترىيىگە قارشى مۇستەقىللىك ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1849-يىلى 2-ئايدا، رىم جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇمھۇرىيەتنى قوغداش ئۇرۇشىنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان. مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن 4000 كىشىلىك پىدائىيلار قوشۇنىنى باشلاپ بېرىپ، ۋېنېتسىيە ئىنقىلابىغا ياردەم بەرگەن. پېمونتې ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە سۈرگۈن قىلىنغان. چەت ئەلدە كۆپ يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1853-يىلى ھەرىكەت پارتىيىسىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كۆپ قېتىم ئىتالىيىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 1859-يىلى فرانسىيە بىلەن ئىتالىيىنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، يەنە بىرقېتىم پىدائىيلار قوراللىق قوشۇنى — ئالپ پىيادە ئەسكەرلەر پولكىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلىپ، غەلىبىلىك ھالدا لومباردىيىگە يېتىپ بارغان. 1860-يىلى 4-ئايدا قىزىل كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنىنى تەشكىللەپ، سىتسىلىيە ئارىلى خەلق قوزغىلىڭىغا ياردەم قىلغان. 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا سىتسىلىيىنىڭ مەكىزىي پالېرمونى ئازاد قىلغان ھەمدە ئۇزاق ئۆتمەي پۈتۈن ستسىلىيىنى ئازاد قىلغان. 8-ئايدا قوشۇننى باشلاپ مېسسىن بوغۇزىدىن ئۆتكەن، 9-ئاينىڭ باشلىرىدا ئىككى سىتسىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى نېئاپولنى ئىشغال قىلىپ، ئىسپانىيە بوربون خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئارقىدىنلا ساۋويىيە پادىشاھلىقى بىلەن مۇرەسسەلىشىپ، ئازاد بولغان زېمىننى ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇپ بەرگەن. 1862-ۋە 1867-يىللىرى ئىتالىيىنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىككى قېتىم پىدائىيلار قوشۇنىنى تەشكىللەپ، پاپانىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى رىمغا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ ئەمما مەغلۇپ بولغان. 1866-يىلى ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ۋېنېتسىيىنى قايتۇرۇۋالغان. 1870-يىلدىكى پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىدا پىدائىيلارنى باشلاپ فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە ياردەم بەرگەن. 1871-يىلى پارىژ كوممۇنىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىگەن ھەمدە خەلق قوغدىنىش ئارمىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سىرتتىن سايلانغان. ئۇ ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ۋە بىرلىكى ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان.

گاستېين شەرتنامىسى

  • گاستېين شەرتنامىسى[يەشمىسى:] پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە دانىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن شىلىزۋىگ ھولشتېين (Holstein-Sehleswig) نى تەسىر دائىرىسى قىلىپ بۆلۈۋېلىش ئۈچۈن ئىمزالىغان شەرتنامە. 1865-يىل 8-ئاينىڭ 14-كۈنى گاستېين (Gastein، ھازىر ئاۋسترىيىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە) دا ئىمزالانغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، شىلىزۋىگ-ھولشتېيندىن ئىبارەت ئىككى كىنەزلىكنىڭ زېمىن ئىگىدارلىق ھوقۇقى پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ قولىدا بولغان؛ شىلىزۋىگنى پرۇسسىيە، ھولشتېيننى ئاۋسترىيە باشقۇرغان؛ پرۇسسىيە 2 مىليون 500 مىڭ تالېر (Thaler) تۆلەپ، روئېنبۇرگ (Roenburg) قا ئىگە بولغان. جۇغراپىيىلىك ئورۇن جەھەتتە، ئاۋسترىيە بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە بولغان رايونلار ئوتتۇرىسىدا پرۇسسىيە قاتارلىق فېدېراتسىيىلەر بولغانلىقتىن، باشقۇرۇشقا قولايسىز بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، پرۇسسىيىنىڭ شىلىزۋىگتىكى قوشۇنىمۇ ئاۋسترىيىگە قاراشلىق رايونلاردىن ئۆتىدىغان بولغانلىقتىن، بەزىدە سۈركىلىش بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ رايوندىكى تالاش-تارتىشى بېسىقماي، ئاخىرى پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا ئېلىپ بارغان. ئاۋسترىيە سىياسىئونلىرى بۇ شەرتنامىنى «يەشكىلى بولمايدىغان تېپىشماق» دەپ ئاتىغان.

گاسكونې

  • گاسكونې[يەشمىسى:]Gascogne) فرانسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قەدىمكى رايون ئىسمى. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ قارىمىقىدىكى ئاقۇتان (Aquitania ياكى Aquitani) نىڭ بىر قىسمى بولغان. مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باسكلار (لاتىنچە Vasconi دېيىلىدۇ) پىرېنېي تېغىنىڭ جەنۇبىدىن مۇشۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەنلىكتىن، شۇ نام بىلەن ئاتالغان. Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فرانكلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. Ⅸ ئەسىردە گاسكونى كىنەزلىكى شەكىللەنگەن. Ⅺ ئەسىردە ئاقۇتانغا تەۋە بولغان. 1154-يىلى ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ زېمىنىگە ئايلانغان. ئەنگلىيە-فرانسىيە 100 يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىن، 1453-يىلى فرانسىيىگە قوشۇۋېتىلگەن.

گاللېگوس

  • گاللېگوس[يەشمىسى:]Romulo Gallegos، 1884 — 1969)، ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى (1947 — 1948)، يازغۇچى. كاراكاستا تۇغۇلغان. 1931 — 1935-يىللىرى ئىسپانىيىدە تۇرغان. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن مائارىپ مىنىستىرى بولغان. 1947-يىلى لىبېراللار پارتىيىسى ئەزاسى سۈپىتىدە زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ئىككىنچى يىلى ھەربىيلەر سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئاغدۇرۇلۇپ، مېكسىكىغا قېچىپ كەتكەن. 1958-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ ئەسەرلىرىدە ئاساسەن ۋېنېسۇئېلا تۈزلەڭلىكى ۋە ئۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن، ئەسەرلىرى رېئالىزملىق ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇنىڭ «دۇننا-بابارا» ۋە «پېلەك»، «كەنتا كېلارو»، «كانايىما»، «شىمالدىكى سامان» قاتارلىق رومانلىرى بار.

گاللىيە

  • گاللىيە[يەشمىسى:] قەدىمىي جاي نامى. ئاساسەن ئىككى چوڭ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ئالپ تېغىنىڭ جەنۇبى، يەنى رىملىقلار ئېيتىدىغان تاغ ئىچىدىكى گاللىيە (Gallia Cisalpina)، بۇ ئىتالىيىدىكى رۇبىكون ( Rubicon) دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى پو دەرياسى (پادۇس دەرياسى) ۋادىسىغا تەڭ كېلىدۇ (تاغ ئىچىدىكى گاللىيە يەنە پو دەرياسىنى چېگرا قىلىپ دەريانىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيە ۋە دەريانىڭ شىمالىدىكى گاللىيە دەپ ئايرىلغان)، مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ رىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان؛ پو دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ غەربىدىكى ناربون گاللىيىنىمۇ مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا رىم ئىشغال قىلىۋالغان. (2) ئالپ تېغىنىڭ شىمالى، يەنى رىملىقلار ئېيتىدىغان تاغ سىرتىدىكى گاللىيە (Gaillia Transalpina)، بۇ رېين دەرياسىنىڭ غەربىدىن ھازىرقى فرانسىيە، بېلگىيە، ليۇكسېمبۇرگنى ۋە گوللاندىيە، شۋېتسارىيىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مىلادىدىن 58 — 51 يىل ئىلگىرى رىم قوماندانى كائېسار بويسۇندۇرغان. گاللىيىلىكلەر كېلىتلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «گاللىيە ئۇرۇشى» غا قاراڭ.

گاللىيە جەڭنامىسى

  • گاللىيە جەڭنامىسى[يەشمىسى:] كىتاب نامى. قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى سىياسىئون، ھەربىي ئالىم، يازغۇچى كائېسارنىڭ ئەسىرى. ئاپتور گاللىيىدە باش ۋالىي بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە (مىلادىدى-ن ئىلگىرى 58 — 49) يازغان، تەخمىنەن مىلادىدىن 52 — 51 يىل ئىلگىرى قىشتا پۈتتۈرگەن. جەمئىي سەككىز توم. ئالدىنقى يەتتە تومنى كائېسار ئۆزى يازغان، ھەربىر تومدا بىر يىلدىكى ئىشلار خاتىرىلەنگەن، ئاخىرقى بىر تومنى ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى ئوليۇس ئېريۇس داۋاملاشتۇرۇپ پۈتتۈرگەن. كائېسار بۇ كىتابنى ئۆزىنى ئاقلاش مەقسىتىدە يازغان. لېكىن تۆھپە بىلەن خاتالىق، ھەق بىلەن ناھەق ھەققىدىكى ھۆكۈمنى ئوبيېكتىپ سالماق تەسەۋۋۇرلار ئىچىگە كىرگۈزۈۋەتكەن، شۇنداقلا بۇ قەدىمكى زاماندىكى گاللىيە ۋە گېرمانلار رايونىنىڭ ئەڭ قەدىمكى تارىخى توغرىسىدىكى خاتىرە، قەدىمكى زامان جەمئىيىتى ۋە مىللەتشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ھۈججەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتابتا ۋەقەلىكلەر ئېنىق-توغرا خاتىرىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى تازا يېتىلگەن ئۇسلۇبتا يېزىلغان بولۇپ، قەدىمكى زامان ئالىملىرى ۋە تارىخشۇناسلارنىڭ قەدىرلىشىگە سازاۋەر بولغان، لاتىن يېزىقىنىڭ ئۈلگىسى دەپ قارالغان. ئۇنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى بار.

گاللىيە ئۇرۇشى

  • گاللىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:] قەدىمكى رىمنىڭ تاغ سىرتىدىكى گاللىيە رايونى (ھازىرقى رېين دەرياسىنىڭ غەربىدىكى فرانسىيە، بېلگىيە قاتارلىق جايلار) نى بويسۇندۇرۇش يولىدىكى ئۇرۇشى. مىلادىدىن 58 يىل ئىلگىرى كائېسار ئالپ تېغىنىڭ جەنۇبى يەنى تاغ ئىچىدىكى گاللىيە (ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى پو دەرياسى ۋادىسى) گە باش ۋالىي بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە قوشۇمچە ناربون گاللىيە (پو دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ غەربى) رايونىنى باشقۇرغان. ئۇ تاغ ئىچىدىكى گاللىيىدىن تەخمىنەن تۆت جۈنتۇەن ئەسكەر (20 مىڭ ئادەم) نى باشلاپ چىقىپ تاغ سىرتىدىكى گاللىيىگە ھەدەپ كېڭەيمىچىلىك قىلغان ھەمدە دىپلوماتىيە ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، گاللىيىلىكلەرنى گاللىيىلىكلەرگە سېلىپ، مىلادىدىن 51 يىل ئىلگىرى گاللىيىنى پۈتۈنلەي يۇتۇۋالغان. كائېسار تالان-تاراج قىلىۋالغان نۇرغۇن بايلىق ۋە ئادەمنى رىمغا يۆتكەپ، ئۆزىنىڭ كۈچىنى بارغانسېرى كۈچەيتكەن. بويسۇندۇرۇش يەرلىك ئاھالە (ئاساسەن كېلىتلار) نىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىقىنى قوزغىغان، مىلادىدىن 52 يىل ئىلگىرى ۋېرسېنگېتورىكىس رەھبەرلىك قىلغان قوزغىلاڭنىڭ كۆلىمى ھەممىدىن كەڭ بولغان. مىلادىدىن 55 — 53 يىل ئىلگىرى، كائېسار تاغ سىرتىدىكى گاللىيىدىن گېرمانىيە ۋە برىتانىيە رايونلىرىغا بېسىپ كىرگەن. سەككىز يىللىق ئۇرۇشنىڭ جەريانى كائېسار يازغان «گاللىيە جەڭنامىسى» (سەككىز توم) گە كىرگۈزۈلگەن. «گاللىيە» گە قاراڭ.

گالۋان

  • گالۋان[يەشمىسى:]Manuel de Jesus Galvan، 1834 — 1910) دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1876-، 1893-، 1903-)، يازغۇچى. 1861 — 1865-يىللىرى ئىسپانىيە سانتودومىنگونى ئىشغال قىلىۋالغاندا كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان. 1865-يىلى دومىنىكا قايتىدىن مۇستەقىللىككە ئېرىشكەندە پارلامېنتنىڭ باشلىقى بولغان. كۆپ قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. «ئېنلىگىيۇ» دېگەن روماننى يېزىپ، ھەقىقىي تارىخىي ھۈججەت ۋە شەخسلەر توغرىسىدىكى خاتىرىگە ئاساسەن، ⅩⅦ ئەسىردىكى سانتودومىنگو ئىندىئانلىرىنىڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۈرىشىنى تەسۋىرلىگەن.

گالېن

  • گالېن[يەشمىسى:] «كلاۋدې گالېن».

گالېن

  • گالېن[يەشمىسى:]Claudius Calenus ياكى Galen، تەخمىنەن 129 — 199). قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى تىببىي ئالىم. كىچىك ئاسىيادىكى پېرگاموندا تۇغۇلغان. ئاتىسى نىكون (Nicon) ئارخىتېكتور. ئۇ سىميرنا (Smyrna، كىچىك ئاسىيانىڭ ئىئونىيە دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان)، كورنىتوس ۋە ئالېكساندرىيىلەردە مېدىتسىنا ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن، كېيىن دوختۇر بولغان. تەخمىنەن مىلادى 162-يىلى رىمغا بېرىپ، دەسلەپكى قەدەمدە شۆھرەت قازانغان، كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. تەخمىنەن 169-يىلى ماركۇس ئاۋرېلىئۇس شاھنىڭ چاقىرتىشى بىلەن يەنە رىمغا بېرىپ، ئوردا تېۋىپى بولغان ۋە بىرقەدەر ئۇزاق تۇرۇپ قالغان. ئۇ ھىپپوكراتتىن كېيىنكى داڭلىق مېدىتسىنا نەزەرىيىچىسى بولۇپ، قەدىمكى يۇنان مېدىتسىنىسى ۋە ئاناتومىيىسىنىڭ بىلىملىرىنى سىستېمىلاشتۇرۇش ئاساسىدا ئاناتومىيە، فىزىئولوگىيە، پاتالوگىيە ۋە داۋالاش ئىلمى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇنلىغان كەشپىياتلارنى ياراتقان. ئۇ كېسەللىكنى تەتقىق قىلىش ۋە داۋالاشتا، فىزىئولوگىيە ۋە ئاناتومىيە بىلىمىنى ئاساس قىلىش لازىم، دەپ قارىغان. ھايۋاناتلار ۋە ئادەم بەدىنىنى يېرىپ تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق يۈرەك ۋە يۇلۇننى تەكشۈرگەن، ئورگانىزمنىڭ ئاناتومىيىلىك تۈزۈلۈشى ۋە ئورگان فىزىئولوگىيىسى توغرىسىدىكى چۈشەنچىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ھەمدە قان ئايلىنىشى ۋە «ھايۋاناتلارنىڭ ماغدۇرى» تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دىئاگنوستىكا تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بەرگەن، مەسىلەن: يىرىڭلىق ياللۇغلىنىشلاردا قىزىرىش، كۆيۈشۈش، ئىششىش، ئاغرىش قاتارلىق تۆت خىل ئاساسىي ئالامەت كۆرۈلىدۇ ۋەھاكازا، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ تەلىماتلىرى، بولۇپمۇ ئاناتومىيىسى تاكى ⅩⅥ ئەسىرگىچە غەرب مېدىتسىنىسىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. پەلسەپە جەھەتتە، گالېن ئادەمنى خۇدا ياراتقان دېگەن قاراشنى قۇۋۋەتلىگەن ھەمدە ئارىستوتېلنىڭ تەلىماتىغا ئېتىقاد قىلغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى ۋە ھىپپوكراتنىڭ ئەسىرى ئۈچۈن ئىشلىگەن ئىزاھاتى ھازىرغىچە ساقلانماقتا.

گالىچ كىنەزلىكى

  • گالىچ كىنەزلىكى[يەشمىسى:] Ⅻ ئەسىردىن ⅩⅣ ئەسىرگىچە گالىچ (Гaлич) شەھىرىنى مەركەز قىلغان غەربىي جەنۇب رۇسنىڭ فېئوداللىق كىنەزلىكى. زېمىنى رۇس، پولشا ۋە ۋېنگرىيىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ئەسلىدە كېيىۋرۇسقا تەۋە جاي. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فېئوداللىق مۇناسىۋەت تەرەققىي قىلىپ، فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تەسىرى كۈچەيگەنلىكتىن، كېيىۋرۇس بىرمۇنچە ئۇششاق مۇستەقىل دۆلەتلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. گالىچ كىنەزلىكى بۇلارنىڭ بىرى، كىنەز يارۇسلاۋ ئوسمۇمسى-ل (Ярослав Оcмомьсл، 1152 — 1187-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، خېلى گۈللەنگەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئىچكى نىزا پەيدا بولغان ھەمدە ۋېنگرىيىنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچرىغان. 1199-يىلى قوشنىسى ۋلادىمىرۋولن كىنەزلىكىنىڭ كىنەزى رومان مىستىسلاۋىچ (Роман Мстиславич، 1170 — 1205-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن يۇتۈۋېلىنىپ، گالىچ-ۋولن كىنەزلىكى قۇرۇلغان. رومان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇدا فېئوداللىق يېغىلىقلار بولغان، ۋېنگرىيە بىلەن پولشامۇ ئۈزلۈكسىز ئارىلاشقان، 1236-يىلىغا كەلگەندە، روماننىڭ ئوغلى دانىل رومانوۋىچ (Даниил Романович، 1201 — 1264) ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، فېئوداللىق بۆلۈنمە كۈچلەرنى يوقاتقان. 1240-يىلدىن كېيىن، موڭغۇل قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، گالىچ-ۋولن كىنەزلىكى پولشا ۋە لىتۋا فېئوداللىرى تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنغان. ⅩⅦ ئەسىرگە كەلگەندە، روسىيە بىلەن پولشانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش قىلىشى(1654 — 1667) ئارقىسىدا، پولشا يېڭىلىپ، روسىيە گالىچ رايونىنى قايتۇرۇۋالغان.

گالىسۋورىس

  • گالىسۋورىس[يەشمىسى:]John Galsworthy،1867 — 1933) ئەنگلىيىلىك يازغۇچى. ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ ئوكسفورد داشۆسىدە قانۇن ئوقۇغان، 1890-يىلى ئادۋوكات بولغان. جايلاردا ساياھەتتە بولغان. 1897-يىلدىن باشلاپ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان، «فاراسلىقلار ئارىلى» دېگەن رومانى بىلەن نام چىقارغان. ئۇ ئۆز ئەسىرىدە ئەنگلىيە يۇقىرى قاتلام بۇرژۇئازىيىسىنىڭ چاكىنىلىقى ۋە ساختىلىقلىرىنى پاش قىلغان ھەمدە كاپىتالىزم جەمئىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىنى ئاز-تولا تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن يەنە «فورسىيتلار ئائىلىسى»، «بىساتلىق ئادەم»، «يولۋاسقا مىنىش»، «ئىجارىكەش»، «ھازىرقى زامان كومېدىيىسى» («ئاق مايمۇن»، «كۈمۈش ئاچقۇچ»، «ئاققۇ ناخشىسى»)، «ئاخىرقى سۆز» («دېدەك»، «گۈللەر ئېچىلغان ئاي دالا»، «دەريانىڭ ئۇ قېتىدا») قاتارلىقلار بار. 1932-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان.

گالىلېي

  • گالىلېي[يەشمىسى:]Galileo Galilei، 1564 — 1642) ئىتالىيىلىك فىزىك ۋە ئاسترونوم. يېقىنقى زامان تەجرىبە ئىلمىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. پېزادا بىر ۋەيران بولغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 17 يېشىدا پېزا (پېسا) ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، مېدىتسىنا ئىلمىنى تەتقىق قىلغان. ماتېماتىكا ئىلمىنى بېرىلىپ ئۆگەنگەن.1589— 1591-يىللىرى ۋە 1592 — 1610-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پېزا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە پادۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى بولغان. 1610-يىلى تەكلىپكە بىنائەن فلورېنسىيىگە كېلىپ، توسكانا گېرتسوگى كوسمو مېدىچ (Cosimo da Medici) ئوردىسىنىڭ پەيلاسوپى ۋە ماتېماتىكى بولغان. ئۇنىڭ ئىلىمگە قوشقان تۆھپىسى كۆپ تەرەپلىمە بولغان. ئېيتىلىشىچە ئۇ تەخمىنەن 1590-يىلى پېزا يانتۇ مۇنارىسىغا چىقىپ، مەشھۇر بولغان بىر قېتىملىق بوشلۇقتىن جىسىم چۈشۈرۈش تەجرىبىسىنى ئېلىپ بېرىپ، ئارىستوتېلنىڭ «جىسىملارنىڭ بوشلۇقتىن تۆۋەنگە چۈشۈش سۈرئىتى بىلەن ئېغىرلىقى تاناسىپ بولىدۇ» دېگەن نوپۇزلۇق كۆز قارىشىنى ئىنكار قىلىپ، بوشلۇقتىن چۈشكەن جىسىم قانۇنىنى كەشپ قىلغان. 1609-يىلى گوللاندىيىلىك بىر كىشىنىڭ دۇربۇننى كەشپ قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئوخشاش قائىدە بويىچە ئاسترونومىيىلىك تېلېسكوپنى لايىھىلەپ ياساپ چىقىپ، ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزەتكەن: ئاي شارىدا تاغ جىرالىرى، يانار تاغ ئىزلىرىنىڭ بارلىقى، يۇپىتېرنىڭ تۆت ھەمرايىنىڭ بارلىقى؛ قۇياشنىڭ يۈزىدە قارا داغنىڭ بارلىقى؛ سامان يولىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاسمان جىسىملىرىدىن تەشكىل تاپقانلىقىدىن ئىبارەت ئاسمان ھادىسىلىرىنى بايقىغان. كوپېرنىكنىڭ «قۇياش مەركەز تەلىماتى» غا ئىشەنگەن ۋە ئۇنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكتىن، 1633-يىلى رىم بىدئەتچىلىك ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى تەرىپىدىن تاكى ئۆلگىچە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان. گالىلېينىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى: «يۇلتۇزلار ئەلچىسى»، «پىتولېمېي بىلەن كوپېرنىكنىڭ ئىككى چوڭ دۇنيا سىستېمىسى توغرىسىدىكى دېئالوگى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

گامبېتتا

  • گامبېتتا[يەشمىسى:]Léon Gambetta، 1838 — 1882) فرانسىيە زۇڭلىسى (1881 — 1882) فرانسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئىتالىيە كۆچمەنلىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1859-يىلى ئادۋوكات بولغان.1868-يىلى سوتتا جۇمھۇرىيەتچى دېلېسىكلۇزېنى ئاقلاش بىلەن داڭق چىقارغان. ئىككىنچى يىلى رادىكال سىياسەت ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پالاتاغا ئەزا بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ رەھبىرىگە ئايلانغان. 1870-يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئىنقىلابتا مۇھىم رول ئويناپ، دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 10-ئايدا ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇپ پرۇسسىيە ئارمىيىسىنىڭ شەھەر قورشاۋ لىنىيىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ھۆكۈمەت ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن تورىستا قارشىلىق كۈچ ئۇيۇشتۇرغان. گېرمانىيىگە تەسلىم بولۇشقا ۋە سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالاشقا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتتىن چېكىنىپ چىققان. 1871-يىلى 7-ئايدا يەنە بىر قېتىم پالاتا ئەزاسى بولغان. «فرانسىيە جۇمھۇرىيەت گېزىتى» نى نەشىر قىلغان ھەمدە پارلامېنت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. مۆتىدىل جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن بىرلىشىپ، پادىشاھپەرەسلەرنىڭ سۇيىقەستىنى تارمار قىلىپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ تىكلىنىشى ئۈچۈن ئاكتىپ كۈرەش قىلىپ، ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساس سالغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. 1879 — 1881-يىللىرى ئاۋام پالاتانىڭ باشلىقى بولۇپ، سىياسىغا نىسبەتەن زور تەسىر كۆرسەتكەن. 1881-يىلى 11-ئايدا زۇڭلى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ئۈچ ئاي بولمايلا قوللاشقا ئىگە بولالماي تەختتىن چۈشكەن. «گامبېتتېنىڭ سىياسىي نۇتۇق توپلىمى» بار.

گامېلىن

  • گامېلىن[يەشمىسى:]Maurice Gustava Gamelin، 1872 — 1958-يىللار) فرانسىيە گېنېرالى. 1893-يىلى سانت-سىر ( Cyr-Saint) ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سومما دەرياسى جېڭىگە قاتناشقان. 1916-يىلى گېنېرال برىگادىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. كېيىن 9-دىۋىزىيىگە قوماندانلىق قىلغان. 1919 — 1925-يىللىرى فرانسىيىنىڭ برازىلىيىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولغان. 1925 — 1928-يىللىرى سۈرىيىدە تۇرۇشلۇق فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولۇپ، سۈرىيە خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1931 — 1935-يىللىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان. 1935-يىلىدىن باشلاپ فرانسىيە ئالىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1938-يىلدىن ئېتىبارەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، فرانسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى، قوشۇمچە ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. ئۇرۇشتا كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن، 1940-يىلى 5-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. كېيىن قولغا ئېلىنىپ، گېرمانىيىدە قامالغان. 1945-يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلىپ ۋەتىنىگە قايتقان. «مۇلازىمەت» ناملىق ئەسىرى بار.

گانا پادىشاھلىقى

  • گانا پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى قەدىمكى دۆلەت. مىلادى 300-يىللار ئەتراپىدا ماندىگو (Mandigues) تىل سىستېمىسىدىكى سونىنكېلار (soninke) قۇرغان. پايتەختى گانا(Ghana) شەھىرى. گۈللەنگەن مەزگىلدە زېمىنى نېگىر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى ۋە سېنېگال دەرياسى ئېقىمى رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. دۆلىتىدە ئالتۇن كۆپ، شىمالىي ئافرىقا بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مۇرابىتلار بىر مەھەل تاجاۋۇز قىلىپ، گانا شەھىرىنى ئىگىلىۋالغان، گانا پادىشاھى قۇللۇق بىلدۈرۈپ، ئۇلپان تاپشۇرۇشقا، ئىسلام دىنىغا ئىشىنىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي مۇستەقىللىكنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت بارغانسېرى ئاجىزلاپ كەتكەن. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، مالى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.

گاندالا

  • گاندالا[يەشمىسى:]Gandala) قەدىمكى ھىندىستاندىكى ھەممىدىن بەك كەمسىتىلگەن كاستې (تائىپە). ئەسلى تاغ ئورمانلىقىدا تۇرىدىغان قالاق قەبىلىدىن تەركىب تاپقان. «مانۇ قانۇنى» دا ئۇلار «ئادەملەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ پەسلەر» دېيىلگەن، ئۇلار يېزا-كەنتلەرنىڭ سىرتىدا تۇرۇشى كېرەك، مۆمىن پۇقرالار ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلماسلىقى كېرەك، كېچىلىرى يېزا-كەنت ۋە شەھەر ئەتراپىدا يۈرمەسلىكى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. خاتىرىلەرگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ كەسپى قاسساپلىق، ئىگىسى چىقمىغان جەسەتلەر ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى توشۇش ئىكەن. شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى فاشيەن ئۆزىنىڭ ھىندىستانغا قىلغان ساياھىتى ھەققىدىكى خاتىرىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «گاندالالار يامان ئادەملەر دەپ ئاتىلىدىكەن، باشقىلاردىن ئايرىم تۇرىدىكەن، شەھەرگە كىرسە، توقماقنى تاقىلدىتىپ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى بىلدۈرىدىكەن؛ كىشىلەر ئۇنى كۆرۈپلا ئۆزىنى چەتكە ئالىدىكەن، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمايدىكەن». ئۇلار ئەمەلىيەتتە قەدىمكى ھىندىستاندىكى ئۇچراشقىلى بولمايدىغان قارا خەلق ئىدى.

گانداماك شەرتنامىسى

  • گانداماك شەرتنامىسى[يەشمىسى:] ئىككىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە-ئافغانىستان ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگلىيىنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى مەجبۇرلاپ ئىمزالىغان تەڭسىز شەرتنامە. شەرتنامە ئىمزالانغان ئورۇن ئافغانىستاننىڭ گانداماك (Gandamak) بازىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئافغانىستان پادىشاھى ياقۇپخان (Yaqub Khan، 1849 — 1923)بىلەن ئەنگلىيە ۋەكىلى لۇئى. كاۋاگېنار 1879-يىل 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىمزالىغان. ئاساسىي مەزمۇنى: (1) ئەنگلىيە ئافغانىستاننىڭ تاشقى ئىشلىرىنى كونترول قىلىش، ئۇنىڭ سىرتتىن كەلگەن ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىن قوغداش؛ (2) كابۇلدا ئەنگلىيىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ئەمەلدارى تەسىس قىلىش، ھېرات ۋە باشقا چېگرا رايونلاردا ئەنگلىيە ۋەكىلى تەسىس قىلىش؛ (3) كۇررام، پىشىن، سىبى قاتارلىق رايونلارنى ئەنگلىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئەنگلىيە خايبەر، مىچنىدىن ئىبارەت ئىككى تاغ ئېغىزىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش؛ (4) ئەنگلىيە ھەر يىلى ئافغانىستان پادىشاھىغا 6 مىڭ فوند سىتېرلىڭ ياردەم پۇلى بېرىش، دېگەنلەردىن ئىبارەت. بۇ ئەمەلىيەتتە ئافغانىستاننى ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان شەرتنامىدىن ئىبارەت.

گاننىبال

  • گاننىبال[يەشمىسى:]Hannibal، مىلادىدىن ئىلگىرى 247 — 183 ياكى 182) كارفاگېن (Carfhage) سەركەردىسى. ئۆسمۈر ۋاقتىدا ئاتىسى ھامىلكار باركاغا ئەگىشىپ ئىسپانىيىگە بارغان، رىمدىن «قىساس ئېلىش» قا قەسەم ئىچكەن. مىلادىدىن 221 يىل ئىلگىرى ھاسدرۇبال (Hasdrubal، ھامىلكارانىڭ كۈيئوغلى) دىن كېيىن ئىسپانىيىدىكى كارفاگېن قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى بولغان. مىلادىدىن 219 يىل ئىلگىرى رىم بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ساگۇنتوم (Saguntum، ئېبرو دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا) شەھىرىنى بېسىۋالغان. مىلادىدىن 218 يىل ئىلگىرى ئەتىيازدا تەخمىنەن 50 مىڭ پىيادە ئەسكەر ۋە 9000 ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ گاللىيە (بۈگۈنكى فرانسىيىدە) نىڭ جەنۇبىي ئارقىلىق ئالپ تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، زور چىقىم تارتىپ، شۇ يىلى كۈزدە ئىتالىيىنىڭ شىمالىغا كىرىپ 2-قېتىملىق پوئېن ئۇرۇشىنى باشلىغان. پو دەرياسىنىڭ بىر تارمىقى ترېببىيە (Trebbia) دەرياسى ئەتراپىدا دەسلەپكى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. مىلادىدىن 217 يىل ئىلگىرى تراسمېنې كۆلى جېڭىدە رىم قوشۇنلىرىنى زور تالاپەتكە ئۇچراتقان. مىلادىدىن 216 يىل ئىلگىرى كاننا جېڭىدە يەنە زور غەلىبە قازانغان. «ئىتتىپاقداش» شەھەرلەر ئارقا-ئارقىدىن گاننىبالغا بېقىنىپ، رىم قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. گاننىبال ماكېدونىيە پادىشاھى فېلىپ Ⅴ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، رىمغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلگە ئاشمىغان. مىلادىدىن 211 يىل ئىلگىرى رىم شەھىرىگە يالغاندىن ھۇجۇم قىلغان بولۇپ («ھاننىبال شەھەر قوۋۇقى ئالدىدا») رىملىقلارنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتكەن. ئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇشۇۋەرگەنلىكتىن ھەربىي كۈچى خوراپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كارفاگېننىڭ ئۆزىدىن ياردەم بولمىغانلىقتىن، ئىسپانىيىدىن كەلگەن ياردەمچى قوشۇن يوقىتىلغان. رىملىقلار كۈچ توپلاپ، چوڭ سىكىپىئو ئافرىكانۇسنى ئەۋەتىپ يېڭى كارفاگېننى بېسىۋالغان. مىلادىدىن 204 يىل ئىلگىرى ئافرىقىغا ھۇجۇم قىلغان گاننىبال پەرمانغا بىنائەن ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلىتىگە قايتقان. مىلادىدىن 202 يىل ئىلگىرى زاما جېڭىدە ئۈزۈل-كېسىل يېڭىلگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن ھۆكۈمران گۇرۇھ بىلەن ئەپلىشەلمىگەنلىكتىن مىلادىدىن 196 يىل ئىلگىرى سۈرىيىگە پاناھلاپ كەتكەن. ئانتىئوخوس Ⅲ كە ئىتالىيىگە قوشۇن كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ قوبۇل قىلىنمىغان. كېيىن كىچىك ئاسىياغا بېرىپ، بىتنىيە (Bithynia) دە ئۆلۈۋالغان.

گائو پادىشاھلىقى

  • گائو پادىشاھلىقى[يەشمىسى:] يەنى «سوڭخەي پادىشاھلىقى».

گائۇتاما

  • گائۇتاما[يەشمىسى:]Gautama) بۇددا دىنىغا ئاساس سالغۇچى ساكيامۇنى جەمەتىنىڭ فامىلىسى.

گائۇس

  • گائۇس[يەشمىسى:]Carl Friedrich Gauss، 1777 — 1855) گېرمانىيىلىك ماتېماتىك، فىزىك، ئاسترونوم. گېتتىنگېن داشۆسىدە ئوقۇغان. 1799-يىلى ھېرمېستىت داشۆسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. 1801-يىلى «ماتېماتىكا نەزەرىيىسى تەتقىقاتى» نى ئېلان قىلغان، 1807-يىلدىن باشلاپ گېتتىنگېن داشۆسىدە پروفېسسور، قوشۇمچە رەسەتخانىنىڭ باشلىقى بولغان. ھىپېر گېئومېترىيىلىك قاتار، كومپلېكس ئۆزگەرگۈچى فۇنكسىيىلەر نەزەرىيىسى، ستاتىستىكىلىق ماتېماتىكا، ئېللىپسلىق فۇنكسىيە نەزەرىيىسى جەھەتتە زور تۆھپە ياراتقان. ئۇنىڭ ئەگرى سىرت نەزەرىيىسى يېقىنقى زامان دىففېرېنسىئال گېئومېترىيىسىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. غەيرىي ئېۋكلىد گېئومېترىيىسى تەتقىقاتى توغرىسىدا ھايات ۋاقتىدا بىرەر نەرسە ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن پاكىتلار ئۇنىڭ ئاساسچىلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ ئەڭ كىچىك كۋادراتنى بەرپا قىلغان ھەمدە لاپلاسنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى بويلاپ، يوشۇرۇن كۈچ نەزەرىيىسىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرغان. فىزىكا، ئاسترونومىيە، گېئودىزىيە قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ناھايىتى زور نەتىجە ياراتقان. ئۇنىڭ «ھىپېر گېئومېترىيىلىك قاتار نەزەرىيىسى»،«سانلىق ئىنتېگراللاش ئۇسۇلى»، «پلانېتلار ھەرىكىتى نەزەرىيىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

گائۇماتا سىياسىي ئۆزگىرىشى

  • گائۇماتا سىياسىي ئۆزگىرىشى[يەشمىسى:] قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىدە ئاخمېنىدلار سۇلالىسىگە قارشى پارتلىغان سىياسىي ئۆزگىرىش. گائۇماتا(Gaumata) ئەسلىدە مېدىيىنىڭ كاھىنى بولۇپ، پادىشاھ كامبىسېس مىسىرغا يۈرۈش قىلغان پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، بىر تۈركۈم ئاقسۆڭەكلەر ۋە بويسۇندۇرۇلغان رايوندىكى خەلقنىڭ پېرسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ، باردىيا (Bardiya، كامبىسېسنىڭ ئىنىسى) قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان. ئۇنىڭغا ھەرقايسى جايلار ئاۋاز قوشقان، بىر مەھەل پېرسىيە ئىمپېرىيىسى يىمىرىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. كامبىسېس بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىۋاتقان سەپىرىدە ئۆلۈپ قالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 522 يىل ئىلگىرى 3 — 9-ئايلاردا گائۇماتا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ھەمدە ئۈچ يىللىق ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ۋە باج-سېلىقنى كەچۈرۈم قىلىش چاقىرىقى بىلەن، ئىمپېرىيە تەۋەسىدە ناھايىتى زور تەسىر پەيدا قىلغان. بابىلون، ئېلام، ئاسسۇرىيە، مىسىر قاتارلىق جايلار پېرسىيىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنى ئارقا-ئارقىدىن جاكارلىغان. كېيىن ئاخمېنىدلاردىن بولغان داراⅠ تەرىپىدىن باستۇرۇلغان، گائۇماتا ۋە باشقا سەككىز نەپەر ئاتامان ئۆلتۈرۈلگەن. سىياسىي ئۆزگىرىش ۋەقەلىكى بېخىستۇن قىياتاش ئويما يېزىقلىرىدا (داراⅠياساتقان) ۋە يۇنان تارىخشۇناسى ھېرودوت يازغان «تارىخ» تا خاتىرىلەنگەن.

گاۋازى

  • گاۋازى[يەشمىسى:]Alessandro Gavzzi، 1809 — 1899) ئىتالىيە ئويغىنىش ھەرىكىتى ئەربابى. 1848 — 1849-يىللىرى ئىتالىيىنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدا پىدائىيلار قوشۇنىغا قاتناشقان. 1849-يىلى رىم جۇمھۇرىيىتى قوشۇنىدا باش پوپ بولۇپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا مەسئۇل بولغان ھەمدە قىزغىن ۋەتەنپەرۋەرلىك نۇتۇقلىرىنى سۆزلەپ، ئىنقىلابىي ئاممىنى رىم پاپاسىنىڭ زوراۋانلىق سىياسىتى ۋە لىبېراللارنىڭ قورقۇنچاقلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، غايەت زور تەسىر پەيدا قىلغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. 50-، 60-يىللاردا كۆپ قېتىم گارىبالدىنىڭ يىراققا يۈرۈشىگە قاتنىشىپ، ئۇنىڭ يېقىن سەپدىشى بولۇپ قالغان. كېيىن ئىتالىيىدە ئىنجىلىزملىق يېڭى دىن يارىتىپ، پاپانىڭ دىندىن سىرت ھوقۇقى ۋە چېركاۋنىڭ كاززاپلىقىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان.

گاۋباۋجىيى(خاناۋا خوكىچى)

  • گاۋباۋجىيى(خاناۋا خوكىچى)[يەشمىسى:]1746 — 1821). ياپونىيە ئېدو شوگونلۇقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئەما ئالىم. مۇساشى (ھازىرقى ساكىتاما ناھىيىسى) دىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلى فامىلىسى دىيې. بەش يېشىدا قارىغۇ بولۇپ قالغان، 13 يېشىدىن باشلاپ ئېدوغا بېرىپ بىلىم ئالغان، ئۇ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بىلەن ياپونىيە تارىخى ۋە قەدىمكى تۈزۈملەرنى ئۆگەنگەن. 1793-يىلى (كۇەنجېڭنىڭ 5-يىلى) خېشۈې دەرسخانىسىنى ئېچىپ، «كىتابلار مەجمۇئەسى»، «تارىخىي ماتېرىياللار» قاتارلىق كىتابلارنى يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان.

گاۋجىڭمىڭ

  • گاۋجىڭمىڭ[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ رېنچېن ۋەتەن ئۇرۇشىدىكى چۇەنلوداۋ ھەققانىيەتچى قوشۇنىنىڭ باشلىقى. 1592-يىلى (شۇەنزۇنىڭ 25-يىلى) 4-ئايدا چۇەنلوداۋنىڭ نەنيۇەن، يۈگۇ، تەنياڭ ئەتراپىدىكى خەلق ياپونغا قارشى ھەققانىيەتچى قوشۇن ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنى چوڭ سانغۇن قىلغان. ئېنجىنغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، جۇڭچىڭ، جىڭجى، خۇاڭخەي دالالىرىدىن ئۆتۈپ شىمالغا بېرىپ پادىشاھ ئۈچۈن خىزمەت قىلماقچى بولغان. ياپون قوشۇنلىرى جىنشەنگە توپلىنىپ، جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ پۈتۈن ئايماقنى ئىشغال قىلىۋالماقچى بولغان. 7-ئايدا، گاۋجىڭمىڭ ئەسكەر باشلاپ كېلىپ ھۆكۈمەت قوشۇنلىرىغا ماسلىشىپ جىنشەنگە ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەن قوشۇنلىرىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان.

گاۋچىدا جىجۇ(تاكاساكى تاتسۇنوسوكې)

  • گاۋچىدا جىجۇ(تاكاساكى تاتسۇنوسوكې)[يەشمىسى:]1885 — 1964) ياپونىيىلىك سودا-سانائەتچىسى. خوككايدودىكى تاكاتسۇكى شەھىرىدە تۇغۇلغان. سۇ مەھسۇلاتلىرى ئوقۇش يۇرتىدا ئوقۇغان، 1917-يىلى ياپونىيە كونسېرۋا شىركىتىنى قۇرغان. 1934-يىلى ياپونىيە پولات تاختا شىركىتىنى قۇرغان. 1941-يىلى مانجۇرىيە ئېغىر سانائەت تەرەققىيات شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولغان، ياندۇرقى يىلى باش دىرېكتور بولغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، 1947-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. 1952-يىلى ئېلېكتر ئېنېرگىيە تەرەققىياتى شىركىتىنى قۇرغان. 1954-يىلى خاتۇياما ئىچكى كابىنېتى ئىقتىسادىي تەكشۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان، بۇ ۋەزىپىنى ئىككى نۆۋەت ئۆتىگەن، 3-نۆۋەتلىك خاتۇياما ئىچكى كابىنېتىدا ئىقتىسادىي پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان، 1958-يىلى 2-نۆۋەتلىك كىشىنوبوساكاي ئىچكى كابىنېتىدا سودا-سانائەت ۋەزىرى بولغان، 1959-يىلى قوشۇمچە پەن-تېخنىكا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1955-يىلى ياپونىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئاسىيا-ئافرىقا يىغىنىغا قاتناشقان. 1962-يىلى جۇڭگوغا كېلىپ ياپونىيە-جۇڭگو خەلق ئارىسىدىكى سودا مىمۇراندۇمىنى ئىمزالىغان، بۇ ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتا مۇھىم رول ئوينىغان، كېيىن ئىككى توملۇق «تاكاساكى تاتسۇنوسوكې ئەسەرلىرى توپلىمى» نەشىر قىلىنغان.

گاۋچياۋ شىچىڭ (تاكاخاشى كورېكىيو)

  • گاۋچياۋ شىچىڭ (تاكاخاشى كورېكىيو)[يەشمىسى:]1854 — 1936)ياپونىيە باش ۋەزىرى (1921—1922). سېندايدىكى ۋاسسال تۆرىسىنىڭ ئەۋلادى. 1867-يىلى ۋاسسالنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارغان. 1892-يىلى ياپونىيە بانكىسىغا خىزمەتكە كىرگەن، 1895-يىلى يوكوخاما جېڭجىن بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولغان، ھۆكۈمەتنىڭ جياۋۇ ئۇرۇشىدا جۇڭگو تۆلىگەن پۇلنى تەييارلىق فوندى قىلىپ، پۇلنىڭ ئالتۇن بىرلىكى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەكلىپ قىلغان. 1899-يىلى ياپونىيە بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن لىدېرى بولغان، ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن تاشقى قەرز توپلاپ، ئۇرۇش خىراجىتىنى تەمىن ئەتكەن. 1906-يىلى قوشۇمچە يوكوخاما جېڭجىن بانكىسىنىڭ باش دىرېكتورى بولغان. 1911-يىلى ياپونىيە بانكىسىنىڭ لىدېرلىقىغا كۆتۈرۈلگەن. 1913-يىلى ئاساسىي قانۇنچى بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە قاتناشقان، ياماموتو ئىچكى كابىنېتىنىڭ مالىيە ۋەزىرى بولغان. 1918-يىلى يەنە خارازو ئىچكى كابىنېتىنىڭ مالىيە ۋەزىرى بولغان. 1921-يىلى بۇرادەرلەر جەمئىيىتىنىڭ لىدېرى بولغان ھەمدە باش ۋەزىر قوشۇمچە مالىيە ۋەزىرى بولغان. 1924-يىلى بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. كاتو ئىچكى كابىنېتىنىڭ دېھقانچىلىق-سودا ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. كېيىن يەنە تاناكا ئىچكى كابىنېتى، ئىنوكاي ئىچكى كابىنېتى، ساكاتافوجى ئىچكى كابىنېتى، ئوكاتا ئىچكى كابىنېتىنىڭ مالىيە ۋەزىرى بولغان. ھەربىي خىراجەتنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىش جەريانىدا، قىزىل رەقەملىك زايوم تارقىتىپ، پۇل پاخاللىقى سىياسىتىنى يولغا قويغان. 1936-يىلى «26-فېۋرال» ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن. «تاكاخاشى كورېكىيونىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن ئەسىرى بار.

گاۋرىل خلتېۋ

  • گاۋرىل خلتېۋ[يەشمىسى:] يەنى «بېنكوۋسكىي».

گاۋشەن جىنزو(تاكاسۇگى شىنساكۇ)

  • گاۋشەن جىنزو(تاكاسۇگى شىنساكۇ)[يەشمىسى:]1839 — 1867) ياپونىيىدىكى توكۇگاۋا شوگونلۇقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى پادىشاھنى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش، شوگناتنى ئاغدۇرۇش تەرەپدارلىرىدىن. ئىسمى چۈنفېڭ، تەخەللۇسى چاڭفۇ، لەقىمى دۇڭشىڭ. بالىلىق دەۋرىدە ۋاسساللىق مەكتىپىدە ئوقۇغان. كېيىن يوشىدا شوئىننى ئۇستاز تۇتقان، كۇساكا بىلەن «سۇڭشياشۇن مەكتىپىدىكى بىر جۈپ قاشتېشى» دەپ ئاتالغان. 1862-يىلى شوگنات ئەلچىسى بىلەن بىللە شاڭخەيگە بېرىپ تەيپىڭ ئارمىيىسىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، 1863-يىلنىڭ باشلىرىدا، ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىغا ئوت قويۇشقا قاتناشقان. شۇ يىلى ناگاسۇ ۋاسساللىقىدا چەت ئەل پاراخوتلىرىنى توپقا تۇتقان چاغدا، ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغۇچى قوشۇن ئۇيۇشتۇرۇپ، باش ۋالىي بولغان، 1864-يىلى شوگنات ناگاسۇغا جازا يۈرۈشى قىلغاندا جۇچيەنگە قېچىپ كەتكەن، كېيىن ۋاسساللىققا قايتىپ شياگۇەندە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ۋاسساللىق مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، شوگناتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغۇچىلارنىڭ ۋاسساللىق ھۆكۈمىتىنى قۇرغان. 1865 — 1866-يىللىرى شوگنات يەنە بىر قېتىم ناگاسۇغا جازا يۈرۈشى قىلغاندا، ۋاسساللىق قوشۇنلىرىغا قوماندانلىق قىلىپ شوگنات قوشۇنلىرىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. ئىككىنچى يىلى شىموزېكىدا كېسەل بىلەن ئۆلگەن. ئۇنىڭ ئىككى توملۇق «تاكاسۇگى شىنساكۇ ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

گاۋشياڭ شۇەنلى(تاكابۇكۇ كۇروماسا)

  • گاۋشياڭ شۇەنلى(تاكابۇكۇ كۇروماسا)[يەشمىسى:]؟ — 654) ياپونىيىدىكى قەدىمكى جۇڭگو كۆچمەنلىرىنىڭ ئەۋلادى، ئۇلار تايكا يېڭىلىقىدا تۆھپە قوشقان. يەنە بىر نامى خېيمالۈ. مىلادى 608-يىلى سۈي سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچى شياۋيې مېيزى بىلەن سۈي سۇلالىسىگە كېلىپ، 640-يىلى ياپونىيىگە قايتقان. 645-يىلى ئالىي بىلىمدار بولغان. ئىككىنچى يىلى سىللاغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن. 649-يىلى سېڭمىن بىلەن بىرلىكتە سەككىز ۋازارەت ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى بېكىتكەن. 654-يىلى تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن، چاڭئەندە ۋاپات بولغان.

گاۋگۇلى(كوگۇريو)

  • گاۋگۇلى(كوگۇريو)[يەشمىسى:] كورىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى مىللەت نامى، قەدىمكى دۆلەت نامى. كوگۇريو مىللىتى ئەسلى موزۇنىڭ بىر تارمىقى. يېغىلىق دەۋرىدە يەن بەگلىكىگە تەۋە بولغان. چىن سۇلالىسى دەۋرىدە لياۋدۇڭنىڭ سىرتىدا تۇرغان، خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا شىمالدىكى يەن بەگلىكىگە تەۋە بولغان، كېيىن شۇەنتۇ ۋىلايىتىگە تەۋە بولغان. يالۇجياڭ دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى بولغان خۇنجياڭ دەرياسى ۋادىسىدا گۈللەنگەن. گۇيلۇ، جۇەننۇ، جۇنۇ، شۈننۇ، گۇننۇدىن ئىبارەت بەش قىسىمدىن تەركىب تاپقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەجدادى جۈمېڭ تەخمىنەن مىلادىدىن 37 يىل ئىلگىرى قۇرغان ئىكەن. مىلادى 3-يىلى ليۇلىمىڭ شاھ پايتەختنى دۆلەت ئىچىدىكى شەھەرگە كۆچۈرگەن، 313-يىلى مېيچۇەن شاھى يىفۇ لېلاڭ ۋىلايىتىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا كوگۇريو، پېكچى، سىللادىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. زېمىننى كېڭەيتكۈچى شاھ (خاۋتەيۋاڭ) تەندې ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە (392 — 413) جەنۇبتا پىكچى قوشۇنلىرىنى ۋە دېڭىزدىن ئۆتۈپ كەلگەن ياپون قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ، خەنجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى جايلارنى تارتىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمى كوگۇريو تەۋەسىگە كىرگەن؛ شەرقىي ۋۇجۇنى يوقىتىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراشلىق دېڭىز بويى چېگرا رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارغىچە بارغان. ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك شاھ جۇليەن دەۋرىدە (413 — 491) ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن، ھۆكۈمرانلىق كۈچەيتىلگەن، 427-يىلى پايتەخت پىخىنيان (چاڭئەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ) غا كۆچۈرۈلگەن. 475-يىلى جەنۇبتا پېكچىگە ھۇجۇم قىلىپ، خەنجياڭ ۋادىسىنى تارتىۋالغان. بۇ گاۋگۇلىنىڭ راسا روناق تاپقان دەۋرى بولغان. 551-يىلى پېكچىنىڭ شېنمىڭ شاھى سىللادىكى جېنشىن شاھنىڭ ياردىمى بىلەن كوگۇريوغا ھۇجۇم قىلىپ، خەنجياڭ دەرياسى ۋادىسىنى تارتىۋالغان. ئۇنى يەنە سىللا ھۇجۇم بىلەن تارتىۋالغان؛ جۇلىڭنىڭ شىمالىدىكى ئون ۋىلايەت (ھازىرقى جياڭيۇەنداۋنىڭ غەربىي قىسمى) نىمۇ شىنلو ئىشغال قىلىۋالغان. يىنياڭ شاھ (590 — 618) دەۋرىدە، پېكچى بىلەن بىرلىشىپ، سىللا بىلەن خەنجياڭ ۋادىسىنى تالاشقان. 642-يىلى، غەرب ئۇلۇغلىرىدىن چۇەنگەي سۇۋېن ئەسكەر باشلاپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئەمەلىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، بەيجى بىلەن بىرلىشىپ، سىللاغا بىرلىكتە قارشى تۇرغان. سىللا تاڭ سۇلالىسىدىن ياردەم سورىغان. Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گاۋگۇلى كەينى-كەينىدىن تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. چۇەنگەي سۇۋېن ئۆلگەندىن كېيىن، بالىلىرى ھوقۇق تالىشىپ جاڭجال قىلىشقان، 667-يىلى 1-ئايدا، سىللا تاڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلغان، ئىككىنچى يىلى پىخىنيان قولدىن كېتىپ، كوگۇريو ھالاك بولغان. تاڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، داتۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى كوگۇريوغا قاراشلىق يەرلەر 676-يىلى سىللاغا قوشۇۋېتىلگەن.

گاۋمو جېنجى(تاكاكى ساداكىچى)

  • گاۋمو جېنجى(تاكاكى ساداكىچى)[يەشمىسى:]1875 — 1960) ياپونىيىلىك ماتېماتىك. ئېتىكا پەنلىرى دوكتورى. چىفۇ ناھىيىسىدىن. 1897-يىلى توكيو ئىمپېرىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن.1898-يىلى گېرمانىيىگە بېرىپ ئوقۇغان. 1901-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. 1904-يىلى ئانا مەكتىپىدە پروفېسسور بولغان. 1936-يىلى پېنسىيىگە چىققان. 1940-يىلى مەدەنىيەت ئوردېنى ئالغان. ئالگېبرالىق پۈتۈن سان نەزەرىيىسىدىكى «تۈرلەر نەزەرىيىسى» نى تەتقىق قىلىش بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇنىڭ «ئانالىتىك ئۇقۇم»، «ئالگېبرادىكى پۈتۈن سان نەزەرىيىسى»، «يېقىنقى زامان ماتېماتىكا تارىخى ھەققىدە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

گائېنۇس

  • گائېنۇس[يەشمىسى:]Gaius)مىلادى Ⅱ ئەسىردىكى قەدىمكى رىملىق قانۇنشۇناس. تارىخى ئېنىق ئەمەس. قەدىمكى رىم قانۇن ئىلمىنىڭ كاپىتو ئېقىمى (ياكى سابىنۇس ئېقىمى دەپ ئاتىلىدۇ) غا كىرىدۇ. ئۇنىڭ «قانۇن ئىلمىنىڭ پەلەمپەيلىرى» دېگەن ئەسىرى ناھايىتى داڭلىق بولۇپ، جۇستىنىئانۇس دەۋرىدە تۈزۈلگەن. «دۆلەت قانۇنلىرى قامۇسى» نىڭ قانۇن ئىلمىنىڭ پەلەمپەيلىرى «قىسمى» ئۇنىڭ مۇشۇ ئەسىرى ئاساسىدا يېزىلغان. مىلادى Ⅴ ئەسىردە، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ۋالېنتىنىئانۇسⅢ(ValentinianusⅢ، 425 — 455-يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن «بەش چوڭ قانۇنشۇناس» نىڭ بىرى دەپ ئاتالغان.

گاي

  • گاي[يەشمىسى:]Ljudevit gaj، 1809 — 1872) كىرودىيىلىك سىياسىي ئەرباب، شائىر. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن 40-يىللىرىغىچە كىرودىيىنىڭ ئىجتىمائىي سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. ئىللىرىيە مەزھىپىنىڭ ئاتاقلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى. 1835-يىلى «كىرودىيە ئاخباراتى» نى تەسىس قىلىپ (1836-يىلى «ئىللىرىيە ئاخباراتى» دەپ ئۆزگەرتىلگەن)، يۇگوسلاۋىيانلارنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى تەرغىپ قىلغان. كىرودىيە، سېربىيە ۋە سلوۋىنىيە قاتارلىق ناملارنىڭ ئورنىغا «ئىللىرىيە» دېگەن نامنى دەسسىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. روسىيىنى 1840-يىلى ۋە 1867-يىلى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلىپ، موسكۋادىكى سلاۋىيان گۇرۇھى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولغان. 1848 — 1849-يىلدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە، ئەكسىيەتچى سىياسەتۋاز يىلېئاسىچنى قوللىغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزى باشقۇرغان گېزىتنى ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. خورۋات يېزىقىنى ئىجاد قىلىپ، خورۋات تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىنى ياراتقان. «خورۋات-سلاۋىيان تىلىنىڭ قىسقىچە ئېلىپبە قائىدىسى» دېگەن ئەسىرى بار.

گايتان

  • گايتان[يەشمىسى:]Jorge Eliécer Gaitan، 1898 — 1948) كولومبىيىلىك قانۇنشۇناس. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كولومبىيە دۆلەت داشۆسىدە ۋە ئىتالىيىدە قانۇن ئۆگەنگەن. 1929-يىلى بانانزارلىق رايونىدىكى ئىش تاشلاشنى تەكشۈرگۈچى بولغان. 1936-يىلى بوگوتا شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولغان. 1940-يىلى مائارىپ مىنىستىرى بولغان. «مەملىكەتلىك سولچىل ئىنقىلابچىلار ئىتتىپاقى» نى قۇرغان. 1946 — 1948-يىللاردا ئەركىنلىك پارتىيىسى سول قانىتىنىڭ داھىيسى ۋە زۇڭتۇڭ نامزاتى بولغان ۋە لىبېرالىستىك ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىشچىلارنىڭ سەككىز سائەتلىك ئىش كۈنى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنى قوللىغان. 1948-يىل 4-ئاينىڭ 9-كۈن بوگوتادا يوشۇرۇن قەتل قىلىنغان. «كولومبىيىدىكى سوتسىيالىزم ئىدىيىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

گايتسكېلل

  • گايتسكېلل[يەشمىسى:]Hugh Gaitskell، 1906 — 1963)، ئەنگلىيە لېي-بورىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى (1955— 1963). ياشلىقىدا ئوكسفورد داشۆسىدە ئوقۇغان. كېيىن لوندون داشۆسىدە سىياسىي ئىقتىسادتىن دەرس ئۆتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، دەستلەپتە ئۇرۇش ۋاقتى ئىقتىساد مىنىستىرلىكىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن، كېيىن سودا ۋەزىرى بولغان.1945-يىلى تۆۋەن پالاتانىڭ لېيبورىستلار پارتىيىسىدىن بولغان ئەزالىقىغا سايلانغان. 1947 — 1950-يىللىرى نېفىت ۋە ئېنېرگىيە ۋەزىرى بولغان. 1950 — 1951-يىللىرى مالىيە ۋەزىرى بولغان. 1955-يىلدىن باشلاپ ئەتتلېنىڭ ئورنىنى بېسىپ لېيبورىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. 1959-يىلدىكى پارلامېنت سايلىمىدا لېيبورىستلار پارتىيىسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بەزى مۆتىدىل سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشنى مەسىلەن: لېيبورىستلار پارتىيىسى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن ئاتوم ئۇرۇشى تەييارلىقىنى ئۆز ئالدىغا قىسقارتىش قاتارلىقلاردىن ۋاز كېچىشنى تەشەببۇس قىلغان، ئەمما 1960-يىلدىكى لېيبورىستلار پارتىيىسىنىڭ يىغىنىدا سول قانات كۈچلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

گايتى ئېسىلزادىلىرى

  • گايتى ئېسىلزادىلىرى[يەشمىسى:]«ئېلىتې» (élite) دەپمۇ ئېلىنىدۇ. گايتى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ئاقسۆڭەكلەر، گايتىدىكى قاتتىق «تائىپە» تۈزۈمىدىكى «ئېسىلزادىلەر تائىپىسى». ئۇلارنىڭ تولىسى نىگېرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەردىن بولغان پروتكىلار، ئاز ساندىكى باي نىگېرلارمۇ بار. ئادەتتە چوڭ شەھەرلەرگە ئولتۇراقلاشقان، يېزىلاردا يەر-مۈلكى بار، ھۆكۈمەتتە مەمۇرىي، ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن، چوڭ سودا-سانائەت ياكى ئادۋوكاتلىق، دوختۇرلۇققا ئوخشاش ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان، نۇرغۇن بايلىققا ئىگە. ئادەم سانى پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ ئاران 3% ئەتراپىنى تەشكىل قىلىدۇ.

گايتى ئىنقىلابى

  • گايتى ئىنقىلابى[يەشمىسى:] گايتى خەلقىنىڭ فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش يولىدىكى ئىنقىلابى. 1789-يىلىدىكى فرانسىيىدىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، 1790-يىلى گايتىدىكى نىگېرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئارىلاش قانلىقلار ۋە ئەركىن نىگېرلار ئالدى بىلەن كۈرەش قوزغىغان. لېكىن ئۇ باستۇرۇلغان. 1791-يىلى 8-ئايدا نىگېرلار قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، توسىسېن لوۋېر-تۇرېنىڭ رەھبەرلىكىدە كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، فرانسىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرىنى 1794-يىلىنىڭ بېشىدا قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش پەرمانىنى جاكارلاشقا مەجبۇر قىلغان. 1794 — 1798-يىللىرى يەنە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئىسپانىيە ۋە ئەنگلىيە قوشۇنلىرى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1801-يىلى پارلامېنت يىغىنى چاقىرىپ، ئاساسىي قانۇننى جاكارلىغان، ئاپتونومىيە ئېلان قىلغان، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان. 1802-يىلى ناپولېئون فرانسىيە قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىپ كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلغاندا قوزغىلاڭچىلارنىڭ قەتئىي قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، ئىككىنچى يىلى توسىسېن لوۋېرتۇرې فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئالدامچىلىق قىلىشى بىلەن قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن؛ گايتى خەلقى داۋاملىق جەڭ قىلىپ، 1803-يىلى 11-ئايدا بارلىق فرانسىيە ئەسكەرلىرىنى قوغلاپ چىقارغان. 1804-يىلى 1-ئايدا گايتى مۇستەقىللىك ئېلان قىلغان. گايتى ئىنقىلابى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇستەقىللىك ئۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىپ، ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە تۇنجى مۇستەقىل نىگېرلار دۆلىتىنى قۇرغان بولۇپ، چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

گايدار

  • گايدار[يەشمىسى:]Аркадий Петрович Гайдар، 1904 — 1941) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق بالىلار يازغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى ئاركادى-ي پېتروۋى-چ گولىكوۋ (Аркадий Петрович Голиков) بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 14 يېشىدا قىزىل ئارمىيىگە قاتناشقان. 17 يېشىدا پولك كوماندىرى بولغان. كۆپ قېتىم يارىلانغان. 1924-يىلى ئارمىيىدىن بوشىغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «چولپان گېزىتى»، «شىمال ھەقىقەت گېزىتى» دە خىزمەت قىلغان ھەمدە ئىجادىيەتنى باشلىغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە «كومسومول ھەقىقىتى گېزىتى» نىڭ فرونت مۇخبىرى بولۇپ، كيېۋ رايونىدا پارتىزانلىق كۈرىشىگە قاتناشقان ۋە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى «ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى» ھېكايىسى، «مەكتەپ»، «ھەربىي مەخپىيەتلىك»، «چوك بىلەن گىك»، «تېمۇر ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى» قاتارلىق پوۋېستلاردىن ئىبارەت. ئەسەرلىرىنىڭ تۆلىسى تىياتىر ۋە كىنو قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن.

گايسمائىر

  • گايسمائىر[يەشمىسى:]Gaismair، تەخمى-نەن 1490 — 1532)،1524 — 1525-يىللاردىكى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە تىلور (Tilor، ھازىرقى ئاۋسترىيىنىڭ غەربىي قىسمىدا) ۋە سالزبۇرگ (Salzburg، ھازىرقى ئاۋسترىيىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا) ئارخېئېپىسكوپ رايونىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى. كان ئىشچىسىنىڭ ئوغلى. سالزبۇرگ ئارخېئېپىسكوپىنىڭ كاتىپى بولغان. 1525-يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1526-يىلنىڭ بېشىغىچە، تىلور ۋە سالزبۇرگتىكى دېھقانلار ۋە كان ئىشچىلىرىدىن بىر ئىنقىلابىي قوشۇن تەشكىللىگەن. 1526-يىلى 5 — 6-ئايلاردا، سالزبۇرگ رايونىدا ئاۋسترىيە كىنەزى ۋە باۋارىيە گرتسوگىنىڭ ھۇجۇمىنى تارمار قىلغان. كېيىن تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەييارلىقىنى قىلغان، ئەمما ئاۋسترىيە كىنەزى دېھقانلارغا بەزى جەھەتلەردە يول قويۇشقا ماقۇل بولغاندىن كېيىن، بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرالماي، قوشۇنىنى باشلاپ ۋېنتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىنىگە چېكىنىپ كىرگەن. كېيىن ئۇ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى يېڭىباشتىن رەتكە سېلىۋاتقان پەيتتە، ئاۋسترىيە دائىرىلىرى ئەۋەتكەن قاتىل تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان.

گەردىزى

  • گەردىزى[يەشمىسى:]Hayy ibn Dahhak ibn Mahmud GardiziAbu Said Abd al) Ⅺ ئەسىردىكى پېرسىيىلىك تارىخشۇناس. غەزنە (ھازىرقى ئافغانىستاندىكى غەزنى) ئەتراپىدا تۇغۇلغان. يازغان تارىخىي ئەسەرلىرى تەخمىنەن 1049 — 1053-يىللىرى پۈتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىسلام دىنىدىن ئاۋۋالقى دەۋردىن 1032-يىلغىچە بولغان پېرسىيە تارىخى ۋە 1041-يىلغىچە بولغان خوراسان تارىخى خاتىرىلەنگەن. ھىندىستان، تۈرك قەبىلىلىرى، يۇنان ئىلمى ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دىنىي بايرىمى قاتارلىقلارمۇ مەخسۇس بابتا بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان ئوتتۇرا ئاسىيادىن جۇڭگوغا قاتنايدىغان قاتناش يولى جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ قاتناش تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولالايدۇ.

گەزمال بېجى

  • گەزمال بېجى[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ لى خاندانلىقى مەزگىلىدە ھەربىي قوشۇنلارنى قامداش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ماددىي باج تۈرلىرىنىڭ بىرى. ھەربىي باج ئۈچۈن گەزمال تۆلەنگەنلىكتىن گەزمال بېجى دەپ ئاتالغان. 1469-يىلى (رۇي زۇڭنىڭ تۇنجى يىلى). «يۇرت سوراش قانۇنلىرى» دا ھەربىي باج ئۈچۈن ھەربىر ئادەم ھەر ئايدا بىر توپ رەخت ياردەم قىلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. ئەسكەرلەرنىڭ بۇلاڭ-تالاڭچىلىق قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىيان ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەچكە 1516-يىلى (جۇڭ زۇڭنىڭ 11-يىلى) ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يىغىۋېلىشقا ئۆزگەرتىلىپ، ھەربىر ئادەم يىلىغا ئىككى توپ رەخت تۆلەيدىغان بولغان. گەزمال بېجى ئۆزگىرىپ نوپۇس بېجى بولۇپ قالغان. 1751-يىلى (يىڭ زۇنىڭ 27-يىلى) ھەربىي مەجبۇرىيەت قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، گەزمال بېجىنىڭ يېرىمى ئازايتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئالتە كۈرە گۈرۈچ ئېلىنىدىغان بولغان. تېرىق پۇرچاق، ياغاچ قاتارلىقلارنىمۇ باج ئورنىدا تاپشۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىپ، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا گەزمال بېجى، گۈرۈچ بېجى، تېرىق بېجى، پۇرچاق بېجى، ياغاچ بېجى قاتارلىق ناملاردا ئاتالغان. 1871-يىلى (گاۋزۇڭنىڭ 8-يىلى) ھەربىي باج بىلەن بىر ۋاقىتتا بىكار قىلىنغان.

گەسكېل

  • گەسكېل[يەشمىسى:]Elizabeth Gleghorn Gaskell، 1810 — 1865)، ئەنگلىيىلىك رېئالىزمچى ئايال يازغۇچى. پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئانىسىدىن بۇرۇنلا يېتىم قېلىپ، ھاممىسىنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغان. سانائەت شەھىرى مانچىستېردا ئۇزاق مۇددەت ياشىغان. ئىشچىلار تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، ئىشچى-دېھقانلارغا ھېسداشلىق قىلغان، ئەمما سىنىپىي زىددىيەتنى تىنچ ئۇسۇلدا تۈگىتىش خام خىيالىدا بولغان. ئاساسلىق ئەسىرى بولغان «مارى باتون» رومانىدا ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى مانچىستېر ئىشچىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشى ۋە ئۇلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا «ئايالى بىلەن قىزى» ناملىق رومانى، «شالود بورانت» ناملىق تەرجىمىھالى ۋە «سېربىيىدىكى ئاشىق» ناملىق تارىخىي رومانى قاتارلىقلار بار.

گەندى

  • گەندى[يەشمىسى:]1) موھانداس كارامچاند گەندى (1869 — 1948، Mohandas Karamchand Gandhi). ھىندىستاندا مۇقەدەس گەندى (Mahatma) دېگەن نامى بار. پورباندېر (Porbander) دىكى يەرلىك شتات ۋەزىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1888-يىلى ئەنگلىيىنىڭ لوندون داشۆسىدە قانۇنچىلىقتا ئوقۇغان. 1891-يىلى ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ دۆلىتىگە قايتىپ، ئىككىنچى يىلى بومباي يۇقىرى سوتىدا ئادۋوكات بولغان. 1893-يىلى ھىندىستاندىكى باي سودىگەرنىڭ تەكلىپى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىغا بېرىپ سودا سارىيىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي جەنۇبىي ئافرىقا دائىرىلىرىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشىگە قارشى كۈرەشكە قاتنىشىپ، ھىندىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان ھەمدە «غەيرىي زوراۋانلىق» نى ياراتقان: 1915-يىلى ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1924 — 1934-يىللىرى ۋە 1940 — 1941-يىللىرى ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان. «غەيرىي زوراۋانلىق ھەمكارلاشماسلىق» تەدرىجىي ھالدا مەزكۇر پارتىيىنىڭ پروگرامما خاراكتېرلىك تاكتىكىسىغا ئايلىنىپ قالغان.20-يىللاردىن 40-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەنگلىيىگە قارشى كۆپ قېتىم ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ھىندى دىنىي مۇرىتلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئىتتىپاقلىشىپ ئەنگلىيىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان، دىنىي مەزھەپلەرنىڭ ئاداۋەتلىك قىرغىنچىلىقلىرىغا قارشى تۇرغان؛ قول سانائەت توقۇمىچىلىقى بىلەن يەرلىك رەختتىن كىيىم كىيىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەنگلىيىنىڭ ماشىنىدا توقۇلغان رەختلىرىگە تاقابىل تۇرغان، مەنىۋى كۈچىنىڭ تەسىرچانلىقى بىلەن سىنىپلارنىڭ تىنچلىقىنى تەرغىپ قىلىپ، زورلۇق ئىنقىلابقا قارشى تۇرغان؛ ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچىل ۋەئەدەب-ئەخلاقنى جانلاندۇرۇشنى، پەسكەشلەر قاتلىمىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان، شەخس تۇرمۇشتا پەرھىز تۇتۇش ۋە زاھىدلىققا ئەمەل قىلغان. ھەر دائىم ئاچلىق ئېلان قىلىش كۈرەش شەكلىنى قوللانغان، كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان. 1947-يىلى ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. دىنىي مەزھەپتىكىلەرنىڭ ماجىراسىغا قارشى تۇرغانلىقتىن، 1948-يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ھىندى دىنىي تەلۋىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ «ياش ھىندىستان»، «گەندى تەرجىمىھالى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) ئىندىرا گەندى (Indira Gandhi، 1917—1984). ھىندىستان زۇڭلىسى (1966 — 1977، 1980 — 1984)، توي قىلىشتىن ئىلگىرىكى ئىسمى ئىندىرا نېھرو. نېھرونىڭ يالغۇز قىزى. شىمالىي شتاتتىكى ئاللائاباد شەھىرىدە تۇغۇلغان. خەلقئارا داشۆسىدە ۋە ئوكسفورد داشۆسىدە ئوقۇغان. 1938-يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1942-يىلى ئادۋوكات فېروزې گەندى (Feroze Gandhi، ؟ — 1960) بىلەن توي قىلىپ، گەندى خانىم دەپ ئاتالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئەنگلىيىگە قارشى ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقتىن، ئەنگلىيە مۇستەملىكە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ بىر يىل قامالغان. ھىندىستان مۇستەقىللىككە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاتىسىنىڭ خۇسۇسىي كاتىپى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاياللار، بالىلار خىزمىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. 1956-يىلى ئاللائاباد شەھىرى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان.1957 — 1959-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خەلق كونگرېسى پارتىيىسى مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلق كونگرېسى پارتىيىسى (ئىندىراچىلار) نىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان. 1964-يىلى 6-ئايدا ئاخبارات ۋە رادىئو ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان. 8-ئايدا قوشما شتات پالاتا ئەزاسى بولغان. 1966-يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسى پارلامېنت پارتىيە-گۇرۇھىنىڭ داھىيسى بولۇپ سايلانغان ھەمدە زۇڭلىلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھىندىستان تارىخىدىكى تۇنجى ئايال زۇڭلى بولغان.1967، 1971-يىلى ئىككى قېتىم ئۇدا زۇڭلى بولغان، ئارىلىقتا يەنە تاشقى ئىشلار، مالىيە، ئېنىرگىيە دۆلەت مۇداپىئەسى، ئىچكى ئىشلار، ئالەم ۋە پىلان قاتارلىق مىنىستىرلىكلەرنىڭ مىنىستىرلىكىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. 1977-يىلىدىكى سايلامدا خەلق كونگرېسى پارتىيىسى مەغلۇپ بولۇپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1980-يىلى يەنە بىر قېتىم زۇڭلى بولۇپ، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئەسى، پىلان ۋە ئاتوم قۇۋۋىتى مىنىستىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1984-يىلى 10-ئايدا سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

گەندى-ئېرۋىن كېلىشىمى

  • گەندى-ئېرۋىن كېلىشىمى[يەشمىسى:] «دېھلى كېلىشىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1931-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، ھىندىستان باش ۋالىيسى گراف (يەنى خالىفاكىس گرافى) ئېرۋىن (Irvin) بىلەن گەندى دېھلىدا ئىمزا قويغان كېلىشىم. گەندى ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى پۈتۈنلەي توختىتىپ، ئىككىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە-ھىندىستان يۇمىلاق جوزا سۆھبىتىگە قاتنىشىشقا قوشۇلغان. ئېرۋىن خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە؛ «زوراۋانلىق جىنايىتى» ئۆتكۈزگەنلەردىن باشقا بارلىق سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشقا باستۇرۇشنى توختىتىپ، ھەربىي ھالەت بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشقا (ئەمما «كوممۇنىزم ۋەھىمىسى» ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇيرۇقلار بۇنىڭ سىرتىدا)؛ ھۆكۈمەتنىڭ ئاشتۇزى ئىشلەپ چىقىرىشىنى مونوپول قىلىشنى داۋاملىق كۈچكە ئىگە قىلىشقا؛ ئاز ساندىكى بىرقانچە خىل تاۋارغا نىسبەتەن قوغدىنىش چېگرا بېجىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارغا يول قويغان. كېلىشىم خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ قىسمەن داھىيلىرى ۋە باشقا ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. لېكىن 1931-يىلى 12-ئايدا كاراچىدا ئېچىلغان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ يىللىق يىغىنىدا يەنىلا ماقۇللانغان، شۇنىڭ بىلەن 2-قېتىملىق ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى ئاياغلاشقان.

گەيسېرىك

  • گەيسېرىك[يەشمىسى:]Gaiseric ياكى Genseric، 390 — 477) ۋانداللارنىڭ باشلىقى ۋە پادىشاھى (427 — 477). مىلادى 429-يىلى 5-ئايدا ۋانداللار ۋە ئالانلارنى باشلاپ ئىسپانىيە ئارقىلىق گېبرالتار بوغۇزىدىن ئۆتۈپ شىمالىي ئافرىقىغا كىرگەن ۋە يەرلىك قۇللار، بېقىندى دېھقانلارنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئافرىقا ئۆلكىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى تارتىۋالغان. 439-يىلى 10-ئايدا كارفاگېننى بېسىۋېلىپ، پايتەخت قىلغان ۋە ۋاندال خاندانلىقىنى قۇرغان. 455-يىلى 6-ئايدا، دېڭىزدىن ئۆتۈپ رىم شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ 14 كۈن تالان-تاراج قىلغان. كۆپلىگەن مەدەنىيەت-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. «ۋاندالىزم» (Vandalism) دېگەن سۆز شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ۋانداللارنىڭ قىلمىشى ياكى ئىستىلى دېگەنلىك بولۇپ، ئاڭسىز ياكى غەرەزلىك ھالدا مەدەنىيەتنى، سەنئەتنى بۇزۇش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

گراسا ئارانخا

  • گراسا ئارانخا[يەشمىسى:]José Pereira da Graca Aranha، 1868 — 1931) برازىلىيە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەشەببۇسچىسى، يازغۇچى. ئۇزاق ۋاقىت چەت ئەللەردە دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بولغان. 1922-يىلى سان پاۋلۇدا نۇتۇق سۆزلەپ،برازىلىيە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ھەرىكىتىنى قوزغىغان، رادىكال مىللەتپەرۋەرلىكنى ۋە ياۋروپاغا چوقۇنۇش خاھىشىغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. برازىلىيە ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. كېيىن پىكىردە كېلىشەلمىگەنلىكتىن، 1924-يىلى ئىنستىتۇتتىن چىقىپ كەتكەن. ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرى «گانەن»، «مەسىلە ھېكايىسى» بولۇپ، ئۇنىڭدا برازىلىيىگە ئەمدىلا بارغان گېرمانىيىلىك ئىككى ياش ئارقىلىق برازىلىيە جەمئىيىتىدىكى مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان، ئۇنىڭ تەسىرى بىرقەدەر چوڭ.

گراف

  • گراف[يەشمىسى:] ياۋروپادىكى مەرتىۋە ئۇنۋان نامى (لاتىنچە Comes، ئىنگلىزچە eari، نېمىسچە Graf، فرانسۇزچە Comte، رۇسچە Граф). ئەسلىدە فرانك پادىشاھلىقىدا يەرلىك ئەمەل نامى بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايونلاردا ئەدلىيە، مەمۇرىي، ھەربىي ۋە مالىيە قاتارلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇپ كەلگەن. Ⅹ ئەسىرگە كەلگەندە فرانسىيىدىكى گرافلار پادىشاھلىق ئەمەلدارىدىن بىر تەرەپنى بۆلۈۋالغان ئاتا مىراس فېئوداللارغا ئايلانغان. Ⅸ ئەسىردە گېرمانىيىدىمۇ شۇ خىل ھادىسە يۈز بەرگەن. فېئوداللىق تەپرىقچىلىقنىڭ يوقىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بىر خىل ئاقسۆڭەكلىك مەرتىۋە-ئۇنۋانىغا ئايلانغان. روسىيىدە ئىمپېراتور پېتر دەۋرىدىن تارتىپ شۇ خىل مەرتىۋە-ئۇنۋانى تەسىس قىلىنغان، ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن بىكار قىلىنغان.

گراف براندېنبۇرگ

  • گراف براندېنبۇرگ[يەشمىسى:]Friedrich Wilhelm Graf Von Brandenburg، 1792 — 1850) پرۇسسىيە گېنېرالى، باش ۋەزىرى (1848 — 1850). پرۇسسىيە كورۇلى فرېدرىخ ۋېلھېلم Ⅱ نىڭ ئوغلى. 1839-يىلى گېنېراللىققا كۆتۈرۈلگەن ۋە سىتسىلىيىدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ قوماندانى بولغان. 1848-يىلى 11-ئاينىڭ باشلىرى، ئارمىيىنى باشلاپ بېرلىنگە بېسىپ كىرىپ، ئىنقىلابنى باستۇرغان. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇيرۇق بويىچە يېڭى ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەن ۋە باش ۋەزىر بولغان. 9-كۈنى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ پرۇسسىيە پارلامېنتىنى تارقىتىۋەتكەن. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى خەلقنى «كورۇل بېكىتكەن» ئاساسىي قانۇننى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاپ، ئۈچ دەرىجىلىكلەر سايلام تۈزۈمىنى يولغا قويغان. 1850-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرى «كورۇل بېكىتكەن» ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، دېموكراتىك ئەركىنلىكنى يەنىمۇ چەكلەپ، پۈتۈن ھوقۇقنى كورۇلغا تاپشۇرغان؛ شۇ يىلى 3-ئاينىڭ باشلىرى يۇنكېر پومېشچىكلارغا پايدىلىق بولغان دېھقانلارنىڭ فېئوداللىق مەجبۇرىيەتلىرىنى كەچۈرۈم قىلىش پەرمانىنى ئېلان قىلغان. 11-ئايدا چارروسىيىنىڭ بېسىمى ئارقىسىدا، ئاۋسترىيە بىلەن «ئولمۇتز كېلىشىمى» ئىمزالاپ، گېرمانىيىنىڭ 1848 — 1849-يىللىرىدىكى ئىنقىلاب ئالدىدىكى ھالىتىنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

گراككۇس

  • گراككۇس[يەشمىسى:]1) تىبېرىئۇس گراككۇس (Tiberius Sempronius Gracchus، مىلادىدىن ئىلگىرى 162 — 133). قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى سىياسىئون. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياشلىق دەۋرىدە ئارمىيىگە ئەگىشىپ كارخانىغا بارغان، شۇنداقلا مالىيە ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن (مىلادىدىن ئىلگىرى 137) ئىسپانىيىدىكى نومانتىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. رىم چوڭ جاڭزىسى (لاتىفۇندىئۇم) نىڭ كېڭەيتىلگەنلىكىنى، دېھقانلارنىڭ ۋەيران بولۇش ئارقىسىدا ئەسكەر مەنبەسىنىڭ قىسلىشىپ كەتكەنلىكىنى ۋە سىتسىلىيە قۇللار چوڭ قوزغىلىڭى (بىرىنچى قېتىمقى) نى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن؛ جامائەت يەرلىرى (دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەر) نى ئىگىلەشنى چەكلەپ، رىم دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان. مىلادىدىن 133 يىل ئىلگىرى تېرىبون بولۇپ، يەر قانۇنىنى يەنى: ھەربىر ئائىلە باشلىقىنىڭ ئىگىلىگەن جامائەت يېرى 500 يۇگېرۇمدىن ئاشماسلىق (ھەربىر يۇگېرۇم تەخمىنەن تۆتتىن بىرگېكتارغا توغرا كېلىدۇ)، ئەگەر چوڭ ئوغلى ۋە ئىككىنچى ئوغلى بولسا، ئۇلارمۇ 250 يۇگېرۇمدىن ئىگىلەش يەنى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئىگىلىگەن جامائەت يېرى مىڭ يۇگېرۇمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛ ئېشىپ كەتكەن قىسمى قايتۇرۇۋېلىنىپ، 30 يۇگېرۇمنى بىر ئۈلۈش قىلىپ ۋەيران بولغان دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىش؛ سېتىشقا رۇخسەت قىلماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قانۇن چوڭ يەر ئىگىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، كەسكىن كۈرەش ئارقىلىق يەر قانۇنى ئاخىرى ماقۇللىنىپ، «ئۈچ كىشىلىك ھەيئەت» تەسىس قىلىنىپ ئىجرا قىلىنغان. شۇ يىلى يازدا كېلەر يىللىق (مىلادىدىن ئىلگىرى 132) تېرىبون سايلىمىدا، سىناتتىكى ئاقسۆڭەكلەر قەستەن جېدەل چىقارغان، نەتىجىدە تىبېرىئۇس ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن تەخمىنەن 300 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن. لېكىن يەردىن مەھرۇم بولغان دېھقانلارنىڭ يەر تەلەپ قىلىش كۈرىشى توختىمىغان. (2) گايۇس گراككۇس (Gaius Sempronius Gracchus، مىلادىدىن ئىلگىرى 153 — 121) قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى سىياسىئون. تىبېرىئۇس گراككۇسنىڭ ئىنىسى. مىلادىدىن 133 يىل ئىلگىرى «ئۈچلەر» ئەزاسى. تىبېرىئۇسنىڭ ئىشىنى ئورۇنداش نىيىتى بىلەن، مىلادىدىن 123 يىل ئىلگىرى تېرىبون بولغان. مىلادىدىن 122 يىل ئىلگىرى سايلامدا داۋاملىق سايلانغان، ئۇ تىبېرىئۇسنىڭ يەر قانۇنىنى داۋاملىق يولغا قويغان ھەمدە ئاشلىق قانۇنى (شەھەر كەمبەغەللىرىگە قۇتقۇزۇش بېرىش)، سوت قانۇنى (رىتسارلارغا ئەدلىيە ھوقۇقى بېرىش) قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، كەڭ قوللاشقا ئىگە بولغان. كارفاگىندا كۆچمەنلەر رايونى ئېچىپ، قائىدىنى بۇزۇپ ئۆزى ئافرىقىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرگەن. ئىتالىيە بىلەن «ئىتتىپاقداش» بولغۇچىلارغا پۇقرالىق ھوقۇقى بېرىشنى تەكلىپ قىلىپ، قارشىلىققا ئۇچراپ، ئۈچىنچى قېتىملىق خەلقنى قوغداش ئەمەلدارى ساي-لام رىقابىتىدە سايلىنالمىغان. سېناتتىكى ئاقسۆڭەكلەر يەنە قىساس ئېلىش ھەرىكىتىنى پىلانلىغان، مىلادىدىن 121 يىل ئىلگىرى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا بولغان، گايۇس قوراللىق قارشىلىقىنى ئۇيۇشتۇرغان، ئاخىرى مەغلۇپ بولۇپ قۇربان بولغان، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن تەخمىنەن 3 مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلگەن. ئاكا-ئۇكا گراككۇسلارنىڭ يەرنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق مەركەزلەشتۈرۈلۈشىنى چەكلەش يولىدا ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتى بايلار ۋە نوپۇزلۇق ئەمەلدارلارغا زەربە بېرىپ، ۋەيران بولغان دېھقانلارنىڭ تەلىپىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرگەن، رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

گراما

  • گراما[يەشمىسى:]Grama) قەدىمكى ھىندىستان كەنت كوممۇنىسى (يېزا كوممۇنىسى) نىڭ نامى. ئارىيانلارنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى ۋېدا دەۋرى. ئۇنىڭ باشلىقى «گرامانى» (Gramani) دەپ ئاتالغان، ھەربىر گراما بىرنەچچە پاترىئارخال ئائىلىسىدىن تەركىب تاپقان، يەرگە كەنت كوممۇنىسى ئىگىدارچىلىق قىلغان، ھەربىر ئائىلىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئىگىلەش ھوقۇقى ئېتىراپ قىلىنغان. بۇ گەرچە مەلۇم رايون خاراكتېرلىك تەشكىلات بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇرۇقداشلىق ئالاقىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان. بۇ خىل گراما سىنىپىي جەمئىيەتكىچە ساقلىنىپ كەلگەن.

گرامىسى

  • گرامىسى[يەشمىسى:]Antonio Gramsci، 1891 — 1937). ئىتالىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئاساس سالغۇچى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىدىن بىرى. ساردېگنادىكى نامرات بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1910-يىلى تورىنو داشۆسىگە كىرىپ، تارىخ، پەلسەپە ۋە تىلشۇناسلىقنى ئۆگەنگەن. 1913-يىلى ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرىپ، سول قاناتتىكىلەردىن بولغان. 1919-يىلىدىن ئېتىبارەن «يېڭى تەرتىپ» گېزىتىنى تەھرىرلەپ، ئىشچىلار سوۋېتىنى قۇرۇشقا چاقىرغان. 1921-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن ئالاقىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۈزۈپ، ئىتالىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغان. 1922-يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 4-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىجرائىي ھەيئەتلىكىگە سايلانغان. 1924-يىلى ئىتالىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى پارتىيە ئۆمىكىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1926-يىلى فاشىستلار ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. 1928-يىلى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. قىيناپ ئازابلاش تۈپەيلىدىن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، 1937-يىلى داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىلگەن، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي رىمدا ۋاپات بولغان.«تۈرمىدىكىخەت-چەكلەر» دېگەن ئەسىرى بار.

گرانادا ئەمىرلىكى

  • گرانادا ئەمىرلىكى[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئەسىردە ئەرەبلەر ئىبېرىيان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى گرانادا (Granada، ئەرەبچە Karnattah دېيىلىدۇ) رايونىدا قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. مىلادى 765-يىلى گرانادا ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ كوردوۋا باش ۋالىي رايونىغا تەۋە بولغان. 929-يىلى، كوردوۋا خەلىپىلىكىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 1238-يىلى مۇستەقىل بولۇپ، گرانادا شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. ⅩⅢ ئەسىردە، ئۇنىڭدا دېھقانچىلىق، سانائەت، سودا خېلى گۈللەنگەن. 1492-يىلى، ئىسپانىيىدىكى فېرناندوⅡبىلەن ئىسابېلا گرانادا شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئەرەبلەرنىڭ سىياسىي كۈچىنى ئىبېرىيان يېرىم ئارىلىدىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقارغان.

گرانت

  • گرانت[يەشمىسى:]1)ئولىسسېس سىمپىسون گرانت (Ulysses Simpson Grant، 1822 — 1885)، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1869 — 1877). جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىدىن، ئوھىئو شتاتىدا تۇغۇلغان. 1843-يىلى ۋېست پوئىنت ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، ئامېرىكا مېكسىكا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ھاراق خۇمار بولغانلىقتىن 1854-يىلى ھەربىي خىزمەتتىن ئىستېپا بەرگەن. ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، قورۇقلۇق ئارمىيە برىگادىر گېنېرالى، گېنېرال مايور بولغان ھەمدە غەربىي ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى قاتارلىق خىزمەتل-ەرگە تەيىنلەنگەن. ۋىكسبۇرگ (Vicksburg)، چاتتانوگا(Chattanoga)قاتارلىق جەڭلەردە كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن. 1864-يىلى 3-ئايدا قوشما شتاتلار ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە جەنۇبنى يېڭىباشتىن قۇرۇش ئىشىدا تۆھپە قوشقان. جەنۇبتىكى شتاتلاردا نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئارىلاشما ھۆكۈمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرغان، نېگىرلار توغرىسىدىكى قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرغان، يەر ۋە باج تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغان، ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىنى قۇرغان، ئاساسىي قانۇننىڭ 15-ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق نېگىرلارغا باراۋەرلىك ھوقۇقى بەرگەن، شۇنداقلا ئۈچ K پارتىيىسىنى جازالىغان ۋە باشقىلار. ئىككىنچى قېتىمقى زۇڭتۇڭلۇق مەزگىلىدە سىياسىي جەھەتتە چېكىنىپ، «چوڭ كەچۈرۈم پەرمانى» نى جاكارلاپ، ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە توپىلاڭ كۆتۈرگەن نۇرغۇن قۇلدارلارنى كەچۈرۈم قىلغان. ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن كېيىن بانكىغا مەبلەغ سالغان، بىراق ۋەيران بولغان. ئۇنىڭ ئىككى توملۇق ئەسلىمىسى بار. (2) جامېس ئاۋگوستۇس گرانت (James Augustus Grant،1827 — 1892). ئەنگلىيە ئوفىتسېرى، ئېكسپېدىتسىيىچى. شوتلاندىيىدە تۇغۇلغان. 1846— 1847-يىللىرى ئەنگلىيە-ھىندىستان ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1861-يىلى سپېكېنىڭ مۇھىم ياردەمچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن بىلەن بىللە شەرقىي ئافرىقىغا بارغان، ۋىكتورىيە كۆلىنىڭ نىل دەرياسىنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ئۈچۈن ھاۋا رايىغا ئائىت ھۈججەتلەرنى تەپسىلىي خاتىرىلىگەن، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسىنى توپلىغان. ئۇنىڭ «ئافرىقىنى كېزىپ ئۆتۈش ساياھىتى» دېگەن ئەسىرى بار.

گران چاكو ئۇرۇشى

  • گران چاكو ئۇرۇشى[يەشمىسى:] 1928 — 1935-يىللىرى بولىۋىيە بىلەن پاراگۋاي گران چاكۇ (Gran Chaco) رايونىنى تالىشىپ ئېلىپ بارغان ئۇرۇش. ⅩⅨ ئەسىردىن تارتىپ، بۇ رايوننىڭ تەۋەلىكى ئۈستىدە تالاش-تارتىش بولغان، گران چاكونىڭ شىمالىدىكى تار ئۇزۇن سوزۇلغان رايوندا مول نېفىت كانى تېپىلغاندىن كېيىن، ئىكك-ى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ئۈزۈلۈپ، ماجىرا تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن. ئەنگلىيە-ئامېرىكا مونوپول كاپىتالىنىڭ قۇترىتىشى ئارقىسىدا، بولىۋىيە بىلەن پاراگۋاي ئوتتۇرىسىدا ھەربىي توقۇنۇش پەيدا بولغان. 1928-يىلى 12-ئايدا پاراگۋاي قوشۇنلىرى بولىۋىيە قوشۇنىنىڭ پوتىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇش ئوتىنى تۇتاشتۇرغان. 1932-يىلى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشقا ئايلىنىپ، ئىككى تەرەپ ئېغىر تالاپەت چەككەن. 1935-يىلى 6-ئايدا، پاراگۋاي بۇ رايوننىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلغان، بىراق قارشى تەرەپنىڭ چېگرىسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىشكە مادارى يەتمەي، ئامېرىكا ۋە برازىلىيە قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بەش دۆلەتنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن، بولىۋىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. 1938-يىلى 7-ئايدا، ئاخىرقى ھېسابتا سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىغان؛ تالاش-تارتىش بولغان رايوندىن تەخمىنەن 180 مىڭ كۋادرات كىلومېتر يەر پاراگۋايغا ئايرىپ بېرىلگەن؛ بولىۋىيە تەخمىنەن 80 مىڭ كۋادرات كىلومېتر زېمىنىنى ساقلاپ قالغان ھەمدە پاراگۋاي دەرياسىدىكى كاسادو (Casado) پورتىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.

گرانگې ھەرىكىتى

  • گرانگې ھەرىكىتى[يەشمىسى:]ئامېرىكىدىكى جاڭزا دېھقانلىرىنىڭ ئۆز مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇن تۈزۈشىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى. 1867-يىلى كېلېي (Oliver Hudson Kelley، 1826 — 1931) قاتارلىق كىشىلەر «مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىكىنى قوغدىغۇچىلار جەمئىيىتى» نى قۇرغان. گرانگې ئېنگلىزچە Grange نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، مەنىسى جاڭزا دېگەنلىك، ئۇ مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ يەرلىك شۆبىلىرىنىڭ نامى. دەسلەپ مەخپىي تەشكىلات بولۇپ، پەن-مەدەنىيەتنى تارقىتىشنى مەقسەت قىلغان، كېيىن پەيدىنپەي ئاشكارا بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئاپپاراتقا ئايلانغان. ئۇلار تۆمۈريول شىركەتلىرىنىڭ نامۇۋاپىق كىرا ھەققىگە ۋە چوڭ مونوپول تەشكىلاتلارنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى كونترول قىلىۋېلىشىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن. ھەمكارلىق تەشكىلاتى، زاۋۇت ۋە سودا دۇكانلىرىنى قۇرغان ھەمدە شتات پارلامېنتلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان قانۇن تۈزۈشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرگەن. 1870 — 1874-يىللىرى ئارىلىقىدا بەزى شتاتلار تۆمۈريول، مال سارايلىرى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىش ياكى باشقۇرۇش توغرىسىدا قانۇن تۈزگەن، بۇ «گرانگې قانۇنى» دەپ ئاتالغان. 1875-يىلى ھەرىكەت تازا ئەۋج ئالغان، ئۇنىڭ ئەزالىرى كۆپىيىپ 800 مىڭ كىشىگە يەتكەن يەرلىك شۆبە جەمئىيەتلەر تەخمىنەن 20 مىڭغا يەتكەن. كېيىن ئاستا-ئاستا خارابلاشقان. لېكىن 80-يىللارغا كەلگەندە، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدا، گرانگې دېھقانلارنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋاملىق ساقلانغان.

گرانوۋىسكى

  • گرانوۋىسكى[يەشمىسى:]Тимофей Ииколаевич Грановский، 1813— 1855) روسىيىلىك تارىخشۇناس. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1835-يىلى پېتېربۇرگ داشۆسىنىڭ قانۇن پاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن بېرلىن داشۆسىگە بېرىپ، گېگېل پەلسەپەسىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە رانكې قاتارلىق كىشىلەرنى ئۇستاز تۇتقان. 1839-يىلدىن تارتىپ موسكۋا داشۆسىدە دۇنيا ئومۇمىي تارىخىدىن دەرس بەرگەن. ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى ئوقۇتۇشنى تەتقىق قىلىشقا بېرىلگەن ھەمدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى شەھەر تارىخى ۋە دېھقانلار ئۇرۇشى تارىخى مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئەھمىيەت بەرگەن. «غەربچىلەر» گە مائىل بولۇپ، «سلاۋيانچىلار» بىلەن كەسكىن مۇنازىرىلىشىپ، روسىيە بىلەن غەربىي ياۋروپا تارىخىي تەرەققىياتىدىكى ئورتاقلىقنى تەكىتلىگەن، يانچىلىق تۈزۈمىگە زەربە بەرگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن «ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىدىن لېكسىيە» ۋە بىرنەچچە توملۇق خەت-چەكلەر توپلىمى بار.

گروتې

  • گروتې[يەشمىسى:]George Grote، 1794 — 1871) ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس. لوندون داشۆسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. پۈتۈن ھاياتىنى قەدىمكى يۇنان تارىخى ۋە پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىغان. 1846—1856-يىللىرى ئارىلىقىدا نەشىر قىلىنغان 12 توملۇق «يۇنان تارىخى» ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېردىكى ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتابتىكى ماتېرىياللار ھەقىقىي بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا قەدىمكى يۇنان قۇلدارلىرىنىڭ دېموكراتىك سىياسىيسى مەدھىيىلەنگەن. تۈرلۈك يۇنان تارىخى ئىچىدە تەسىرى ئەڭ چوڭ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

گروتېفېند

  • گروتېفېند[يەشمىسى:]Georg Friedrich Grotefend، 1775 — 1853) گېرمانىيىلىك شەرقشۇناس، تىلشۇناس. 1821 — 1849-يىللىرى ھاننوۋېر ئىنستېتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. قەدىمكى ئىتالىيىنىڭ ئومبىرىيان (Umbrian) تىلى ۋە ئوسكان (Oscan) تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، كېيىن پېرسىيىنىڭ قەدىمكى پايتەختى پېرىسېپولدىن چىققان مىخ يېزىق ئابىدىسىنى يېشىپ تۆھپە قوشقان. «پېرىسېپول مىخ يېزىقىنىڭ يېڭى يەشمىسى» دېگەن ئەسىرى بار.

گروتېۋول

  • گروتېۋول[يەشمىسى:]Otto Groyewohl، 1894 — 1964) سابىق گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى (1949 — 1963). مەتبەئە ئىشچىسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1910-يىلى ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1912-يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە كىرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ئوڭچى يولباشچىلىرىنىڭ پرولېتارىياتقا ئاسىيلىق قىلغان سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن. 1925 — 1933-يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1933-يىلدىن باشلاپ ناتسىستلار ھاكىمىيىتىگە قارشى يوشۇرۇن ھەرىكەت بىلەن پائال شۇغۇللانغان. 1946-يىلى گېرمانىيە بىرلەشكەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن پارتىيىنىڭ رەئىسلىرىدىن بىرى بولغان. 1960-يىلدىن باشلاپ دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

گروتيۇس

  • گروتيۇس[يەشمىسى:]Hugo Grotius، 1583 — 1645) گوللاندىيىلىك قانۇنشۇناس، تەبىئىي قانۇن تەرەپدارلىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى نەزەرىيىچىسى. دېلفتتە (Delft) تۇغۇلغان. 14 يېشىدا لېيدون (Leydon) داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. ئادۋوكات، گوللاندىيىنىڭ ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان.كېيىن شۋېتسىيىدە ئەمەلدار بولغان، فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. قانۇنچىلىق، ئىلاھىيەت، تارىخ، ئەدەبىيات ۋە تەبىئىي پەننى تەتقىق قىلغان، بەلكى خەلقئارا قانۇن تەتقىقاتچىسى دەپ نام ئالغان. ئۇ قەدىمكى يۇنان-رىم پەلسەپىسىدىكى تەبىئىي قانۇن نەزەرىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئىجتىمائىي پۈتۈم تەلىماتى بىلەن چۈشەندۈرگەن، ھاكىمىيەتنى ئىلاھ ئاتا قىلغان ئەمەس، قانۇنچىلىقنى ئىلاھىيەتتىن ئايرىۋېتىش كېرەك دېگەن. بارلىق چىن قانۇنلارنىڭ تەبىئىي قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇش پرىنسىپىنى، خەلقنىڭمۇ، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلارنىڭمۇ تەبىئىي قانۇن بىلەن چەكلەپ تۇرۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلغان، چەكلىك ئەخلاقىي ئىگىدارلىق ھوقۇقى تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدەك خەلقئارا ھادىسىلەرنى تەبىئىي قانۇن نەزەرىيىسى بىلەن تەھلىل قىلغان، ئۇرۇش ۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىنى ئادەمگە ۋە خۇسۇسىي مال-مۈلۈككە ھۈرمەت قىلىش قارىشى بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ بەزى سەۋەبلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇرۇش قىلىش جىنايەت دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ «ئوچۇق دېڭىز ئەركىنلىكى»، «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق قانۇنى» دېگەن ئەسەرلىرى بار.

گروزا

  • گروزا[يەشمىسى:]Petru Groza، 1884 — 1958) رۇمىنىيە مىللىي پارلامېنتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسى (1952 — 1958). دەسلەپ خەلق پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1920 — 1927-يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى، مىنىستىر بولغان. 1933-يىلى «دېھقانلار سېپى» نى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1943-يىلى رۇمىنىيىنىڭ ناتسىستلار گېرمانىيىسىگە ئەگىشىشىگە قارشى تۇرغانلىقتىن قولغا ئېلىنغان، رۇمىنىيە ئازاد بولغاندىن كېيىن، كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىك قىلغان خەلق دېموكراتىك سېپىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان. مۇئاۋىن زۇڭلى، زۇڭلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1947-يىلى 12-ئايدا رۇمىنىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا، مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلان-غان (1947 — 1952).

گرۇسسېت

  • گرۇسسېت[يەشمىسى:]René Grousset، 1885 — 1952) فرانسىيىلىك تارىخشۇناس ۋە شەرقشۇناس. ئۇزاق ۋاقىت فرانسىيىدىكى مۇزېيلاردا ئىشلىگەن ھەمدە ھازىرقى زامان شەرق تىل شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان. «ئاسىيا ژۇرنىلى» نىڭ تەھرىرلىك ئىشىغا قاتناشقان. 1946-يىلىدىن باشلاپ فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. تارىخ تەتقىقاتىدا، شەرق ئارخېئولوگىيىسى ۋە تىلشۇناسلىقىدىكى يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلغان، كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ دېھقانچىلىق قىلىپ تۇراقلىشىپ قالغان مىللەتلەرگە قىلغان تاجاۋۇزى بىلەن ھاۋا رايىدىكى ئۆزگىرىش ۋە سۇ ھەم ئوت-چۆپلەردىكى مولچىلىق زىچ باغلىنىشلىق، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى: «ئاسىيا تارىخى»، «يىراق شەرق تارىخى»، «شەرقنىڭ مەدەنىيەت تارىخى»، «بوزقىر ئىمپېراتورلۇقى»، «موڭغۇل ئىمپېرىيىسى» قاتارلىقلار.

گرۇن

  • گرۇن[يەشمىسى:]Karl Gsun، 1817 — 1887) گېرمانىيىلىك ئۇششاق بۇرژۇئا سوتسىيالىزمچى، سىياسىي ئوبزورچى. «ھەقىقىي» سوتسىيالىزمچىلارنىڭ ئاساسىي ۋەكىللىرىدىن بىرى. دەسلەپكى يىللاردا بونن، بېرلىندا پەلسەپە ۋە تىلشۇناسلىقنى ئوقۇغان. 1842-يىلى «ماننىخېيىن كەچلىك گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان، ئەسەرلىرىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، بادېنى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوغلىۋېتىلىپ، كىيولىندا تۇرغان. 1843-يىلى موسېس خېس (Moses HeB، 1812 — 1875) بىلەن تونۇشۇپ، «ھەقىقىي» سوتسىيالىزمچىلارنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇپ قالغان. 1844-يىلى 9-ئايدا لوندوندا مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، پرۇدون بىلەن تونۇشقان ھەم ئۇنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغان. سىنىپىي كۈرەشكە قارشى تۇرۇپ شوۋېنىزمنى كۆككە كۆتۈرگەن. 1848-يىلى پرۇسسىيە مىللىي پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. گېرمانىيە ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بريۇسسېلدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1861-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان، ياندۇرقى يىلى فرانكفورت ئالىي سودا ھۈنەر-سەنئەت مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1867-يىلى ۋېنادا ئولتۇراقلاشقان. ئۇنىڭ «فرانسىيە ۋە بېلگىيىدىكى ئىجتىمائىي ھەرىكەت»، «فېييېرباخ ۋە سوتسىيالىزمچىلار» دېگەن ئەسەرلىرى بار. ماركس، ئېنگېلس ئۇنى «ھەقىقىي سوتسىيالىزمچىلار» ئىچىدىكى ئەڭ يول قويۇپ بولمايدىغان ئادەم دېگەن.

گرۇنۋارد جېڭى

  • گرۇنۋارد جېڭى[يەشمىسى:]تاننېنبېرگ (Tannenberg) جېڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.1410-يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى پولشا، لىتۋا ۋە رۇس بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن تيۇتون رىتسارلار پولكى ئوتتۇرىسىدا گرۇنۋارد (Grunward، بىر كەنت، پولشانىڭ شەرقىي شىمالىدا) دا بولغان مۇھىم بىرجەڭ. بىرلەشمە ئارمىيىدە يەنە چېخ، ۋېنگرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قىسىملىرى بولۇپ جەمئىي 32 مىڭ ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭغا پولشا كورۇلى ياگيېلو قوماندانلىق قىلغان. رىتسارلار پولكىدا 27 مىڭ ئادەم بولۇپ، ئاساسەن، گېرمانىيە ۋە فرانسىيە رىتسارلىرىدىن تەركىب تاپقان. دەسلەپ رىتسارلار پولكى غەلىبە قىلغان. كېيىن بىرلەشمە ئارمىيە باتۇرلۇق-ماھىرلىق بىلەن جەڭ قىلغانلىقتىن، نەتىجىدە رىتسارلار پولكىنىڭ خىللانغان قىسىمىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان، رىتسارلار پولكىنىڭ كوماندىرىنىمۇ ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، تيۇتون رىتسارلار پولكى ئاجىزلاشقان.

گرېتسىيە خەلق ئىتتىپاقى

  • گرېتسىيە خەلق ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] گرېتسىيە پارتىيىسى. 1951-يىلى 6-ئايدا سابىق قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانى پاپاگوس(Alexandros papagos، 1883 — 1955) «فرانسىيە خەلق ئىتتىپاقى» غا تەقلىد قىلىپ قۇرۇپ چىققان. بۇ ئىتتىپاققا ماكېزىنىس (Makezinis) رەھبەرلىك قىلغان يېڭى پارتىيە، كانېلوپۇلوس (Panayotis Kanellopoulos، 1902-) ۋە سېتپانوپۇلوس (Stephanos Stephanopoulos، 1899-) لار رەھبەرلىكىدىكى خەلق بىرلەشمە پارتىيىسى، شۇنىڭدەك خەلق پارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى قاتناشقان. سانائەت ۋە پۇل مۇئامىلە چوڭ بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1952-يىل 11-ئايدىكى چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلىپ، ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، 1956-يىلغىچە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ كەلگەن. 1955-يىلى 10-ئايدا پاپاگوس ۋاپات بولغاندىن كېيىن، كارامانلىس(Konstantinos Karamanlis، 1907 —) ئورنىغا چىققان. 1956-يىلى 1-ئايدا بۇ پارتىيە مىللىي رادىكاللار ئىتتىپاقى بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن. ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان مەزگىلىدە سىياسىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغان، ئىگىلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، بىرقەدەر مۇستەقىل دىپلوماتىك سىياسەت ئىجرا قىلغان.

گرېتسىيە مۇستەقىللىك ئۇرۇشى

  • گرېتسىيە مۇستەقىللىك ئۇرۇشى[يەشمىسى:] گرېتسىيە خەلقىنىڭ ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. 1821-يىلى 3-ئايدا، گرېتسىيىنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق مۇھاجىرلىرى مەخپىي تەشكىلاتى«دوستلۇق جەمئىيىتى» نىڭ يولباشچىسى ئاكا-ئۇكا يىپىسلانتلار (Alexander Ypsilanti، 1792 — 1828، DemetrisicsYpsilanti، 1793 — 1832) مولدوۋادا قوزغىلاڭ قىلغان، گرېتسىيە خەلقى تەرەپ-تەرەپتىن ئاۋاز قوشقان ھەمدە ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىلغار زاتلارنىڭ خەيرى-خاھلىقى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن. قوزغىلاڭچىلار ئۈچ ئاي ۋاقىت ئىچىدە پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بىر قىسىم رايونىنى ئازاد قىلغان. قوزغىلاڭ ئېگېي دېڭىزىدىكى بەزى ئاراللارغىمۇ كېڭەيگەن. 1822-يىلى قوزغىلاڭچىلار مىللىي پارلامېنت تەشكىللەپ، مۇستەقىللىك جاكارلاپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىققان. كېيىن قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئىچىدىكى ماجرا ۋە تۈركىيىنىڭ مىسىرنى قوراللىق مۇداخىلە قىلىشقا قۇترىتىشى تۈپەيلىدىن، كۈرەشتە بىر قەدەر زور ئەگرى-توقايلىق بارلىققا كەلگەن. 1827-يىلى، ئۈچىنچى نۆۋەتلىك مىللىي پارلامېنت چاقىرىلىپ، كاپودستىرىيىنى جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلىغان. شۇ يىلى ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، گرېتسىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقان. ناۋارىنو (Navarino) دېڭىز ئۇرۇشىدا تۈر-كىيە-مىسىر فلوتىنى تارمار قىلغان.1828— 1829-يىللىرى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى يەنە پارتلاپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى 1829-يىلى «ئادرىئانوپول سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، گرېتسىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

گرېتسىيە ئىچكى ئۇرۇشى

  • گرېتسىيە ئىچكى ئۇرۇشى[يەشمىسى:]گرېتسىيە خەلقىنىڭ ئەنگلىيە، ئامېرىكا قوراللىق مۇداخىلىسى ۋە ئىچكى ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئىنقىلابىي ئۇرۇشى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گرېتسىيە خەلقى كومپارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە فاشىزمغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، 1944-يىلى پۈتۈن مەملىكەتنى ئازاد قىلغان. شۇ يىلى 10-ئايدا، ئەنگلىيە قوشۇنى گرېتسىيە قاچاق ھۆكۈمىتىنى ئافىناغا مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىپ قويغان. 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئەنگلىيە، گرېتسىيە ئەكسىيەتچىلىرى مەملىكەت ئىچىدىكى دېموكراتىك كۈچلەرنى قانلىق باستۇرۇپ «ئىچكى ئۇرۇش» قوزغىغان. 1945-يىلى 2-ئايدا، ئەنگلىيە ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىش «ۋاركىز كېلىشىمى» نى پىلانلاپ چىقىپ، خەلقنى قۇرالسىزلاندۇرغان. 1946-يىلى 3-ئايدا گرېتسىيىدە چوڭ سايلام بولۇپ، خەلق پارتىيىسى غەلىبە قىلىپ، كونستانتىن سالدارىس (Konstantinos Tsaldaris، 1884 — 1970) باش ۋەزىر بولۇپ، پادىشاھلىق تۈزۈمىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەملىكەت ئىچىدىكى دېموكراتىك كۈچلەرنى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرغان. قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى گرېتسىيە كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە تاغلىق رايونغا يۆتكىلىپ، قوراللىق كۈرەش بىلەن شۇغۇللانغان. دېموكراتىك قوشۇن تەشكىللىگەن ھەمدە ئازاد رايونلاردا گرېتسىيە كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىدە ۋاقىتلىق دېموكراتىك ھۆكۈمەت قۇرغان. ماركوس بافېئادىس (Markos Bafeiadhs، 1906 —) زۇڭلى قوشۇمچە ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1947-يىلى باھاردا، ئامېرىكا «ترۇمى-نىزم» نى جاكارلاپ، ئەنگلىيىنىڭ ئورنىنى بېسىپ، گرېتسىيە خەلق قوراللىق كۈچلىرىنى باستۇرۇشقا بىۋاسىتە قاتناشقان. 1948-يىلى 6- ئايدا گرېتسىيە ھۆكۈمەت قوشۇنى ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بىلەن دېموكراتىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم باشلىغان. كېيىن كومپارتىيىنىڭ ئىچكى بۆلۈنۈشى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تاسادىپىي ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن دېموكراتىك قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. 1949-يىل 10-ئاينىڭ 16-كۈنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇۋېتىلگەن.

گرېچكۇ

  • گرېچكۇ[يەشمىسى:]Андрей Антонович Гречко، 1903 — 1976) سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى. روستوۋ ئوبلاستىدىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1919-يىلى بودىيۇنىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەر كورپۇسىغا قاتناشقان. 1928-يىلى كومپارتىيىگە كىرگەن. 1938-يىلى ئاتلىق ئەسكەرلەر دىۋىزىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فرۇنزې ھەربىي شۆيۈەنى ۋە باش شتاب ھەربىي شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىجاڭ، جۈنجاڭ ۋە جىتۇەنجۈن قوماندانى بولۇپ، كاپكاز،ئوكرائىنانى ئازاد قىلىش جەڭلىرىگە قاتناشقان. 1945 — 1953-يىللىرى كىيېۋ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى بولغان. 1953-يىلى گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1957 — 1960-يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى، قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان ھەمدە ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتى بىرلەشمە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1967 — 1976-يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بولۇپ سايلانغان.

گرېكوۋ

  • گرېكوۋ[يەشمىسى:]Борис Дмитриевич Греков، 1882 — 1953) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق تارىخشۇناس. 1907-يىلى موسكۋا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن بۇ مەكتەپتە ئۇزاق ۋاقىت ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1935-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. 1937-يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تارىخ تەتقىقات ئورنىغا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە 1947 — 1951-يىللىرى سلاۋيانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىغا رەھبەرلىك قىلغان. دەسلەپ ئاساسەن نوۋگورودنىڭ ئىجتىمائىي تارىخى ۋە ئىقتىسادىي تارىخىنى تەتقىق قىلغان، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ پراۋ سلاۋيانلار ۋە قەدىمكى رۇسلار دۆلىتى قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت ئەمەس، پراۋوسلاۋيانلار قۇللۇق تۈزۈم باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرمەي بىۋاسىتە فېئوداللىق جەمئىيەتكە كىرگەن دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە غەرب سلاۋيانلىرى تارىخىنى، يۇگوسلاۋىيانلار تارىخىنى ۋە ⅩⅧ—Ⅹ ئەسىرلەردىكى رۇس، پول-شا، لىتۋا دېھقانلىرىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلغان. 1947-يىلى پولشا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋە بۇلغارىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلانغان ھەمدە پراگا داشۆسىنىڭ پەلسەپە دوكتورى دېگەن ئۇنۋانغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى «كىيېۋ-روسىيە»، «كىيېۋ-رۇس مەدەنىيىتى»، «يىراق قەدىمكى زاماندىن ⅩⅦ ئەسىرگىچە بولغان رۇس دېھقانلىرى». ئۇنىڭدىن باشقا باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان ئەسىرىدىن «قىپچاق خانلىقى» (ئىككىنچى نەشرىدە «قىپچاق خانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھالاك بولۇشى» دەپ ئۆزگەرتىلگەن) بار. ئۇ يەنە «سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخى» ۋە «قەدىمكى رۇس مەدەنىيىتى تارىخى» قاتارلىق ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان.

گرېگ

  • گرېگ[يەشمىسى:]1) ئېدۋارد گرېگ(Edvard Grieg، 1843 — 1907). نورۋېگىيە كومپوزىتورى. 1858 — 1862-يىللىرى لېيپسىگ مۇزىكا شۆيۈەنىدە ئوقۇغان.1863-يىلى نورۋېگىيە كومپوزىتورى نوردرائاك (Rikard Nordraak، 1842 — 1866) نىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، شىمالىي ياۋروپا مىللىي مۇزىكىلىرىنى تەتقىق قىلىشقا بېرىلگەن. ياندۇرقى يىلى نوردرائاك قاتارلىقلار بىلەن مۇزىكا تەشكىلاتى — «يۇتىپىي جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ چىقىپ، گاتەينىڭ مەدرىسچىلىك خاھىشى بىلەن قارشىلىشىپ، مىللىي مۇزىكىنى جارى قىلدۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندىن تاشقىرى، دائىم مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى سەھنىدە ئورۇنلىغان. ئۇ بۇرژۇئا دېموكراتىزمى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى خاھىشىغا ئىگە بولۇپ، ئەسەرلىرىنىڭ تولىسىدا ئاددىي تۇرمۇشنى، شىمالىي ياۋروپادىكى خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەرنى، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ياكى تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى تېما قىلغان، روشەن مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە بولۇپ، نورۋېگىيە مىللىي مۇزىكىسىنىڭ ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. ئاساسىي ئەسەرلىرى: ئىبىسېننىڭ سەھنە ئەسىرى — «بېركىنت» كە ئىشلەنگەن مۇزىكا، «رويال تەڭكەش قىلىنغان a مىنور مۇزىكىسى»، «e خەلق ناخشىلىرىغا رويال بىلەن ئورۇنلانغان e مىنور مۇزىكىسى»، «رويال بىلەن چېلىنىدىغان لىرىكىلىق مۇزىكىلار توپلىمى» دىن ئون توم، ئىسكىرىپكا بىلەن چېلىنىدىغان ئۈچ قىسىملىق مۇزىكا ۋە نۇرغۇنلىغان ناخشا مۇزىكىلىرى قاتارلىقلار بار. (2) نوردال گرېگ (Nordahl Grieg، 1902 — 1943). نورۋېگىيىلىك شائىر، يازغۇچى. ئاۋۋال ئوسلو داشۆسىدە تىل ئۆگەنگەن، كېيىن ئەنگلىيە ئوكسفورد داشۆسىدە ئوقۇغان. مۇخبىر، دېڭىزچى بولغان. 1926 — 1927-يىللىرى جۇڭگودا بولۇپ، «جۇڭگودىكى كۈندىلىك خاتىرە» دېگەن كىتابنى يازغان. 1932 — 1934-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. ئىسپانىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە غەربىي سەپتە ھەربىي مۇخبىر بولغان. نورۋېگىيە گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئەنگلىيىگە بېرىپ جەڭگە قاتناشقان، ئايروپىلان بىلەن بېرلىنغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىۋاتقاندا قۇربان بولغان. ئۇنىڭ شېئىرلار توپلىمىدىن «ئۈمىد تۇمشۇقىنى ئايلىنىش»، «پاراخوت قوزغالدى»، «نورۋېگىيە مېنىڭ قەلبىمدە»، رومانىدىن «ئىسپانىيىدىكى ياز»، سەھنە ئەسىرىدىن «بىزنىڭ شان-شەرىپىمىز ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىمىز» قاتارلىقلار بار.

گرېگورې (تۇرسلىق)

  • گرېگورې (تۇرسلىق)[يەشمىسى:]Grégoire de Tours، تەخمىنەن 538— 594) فرانك پادىشاھلىقى دەۋرىدىكى تارىخشۇناس. گاللىيە-رىم ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىسىنىڭ دۇنيادا داڭقى بار. مىلادى 573-يىلى گاللىيىدىكى تۇرىس دىنىي رايونىدا ئېپىسكوپ بولغان. دائىم ئوردىغا كىرىپ چىقىپ، ئېسىلزادىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ تۇرغان، گاللىيە رايونىنىڭ ئەھۋالىنى بەش قولدەك بىلگەن، ئاساسىي ئەسىرى ئون توملۇق «فرانكلار تارىخى» بولۇپ، ئۇ لاتىنچە يېزىلغان، ئۇنىڭ تۆت خىل كۆچۈرۈلمىسى دۇنياغا تارالغان. مەزمۇنى «ئىنجىل» دىكى «دۇنيانىڭ يارىتىلىشى» دىن باشلىنىپ، 591-يىلىغىچە بولغان تارىخ تەپسىلى، ئىخچام بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب نۇرغۇنلىغان تارىخىي ماتېرىياللارغا ۋە خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەرگە ئاساسەن يېزىلغان. بەزىلىرى ئاپتورنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار بولۇپ، ئومۇمەن ئىشەنچلىك. فرانك پادىشاھلىقىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى جەمئىيەت ئىقتىسادىي، سىنىپىي قۇرۇلمىسى، دىنىي ئېتىقادى ۋە خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

گرېگورىⅦ

  • گرېگورىⅦ[يەشمىسى:]Gregorius Ⅶ، تەخمىنەن 1020 — 1085) رىم پاپاسى (1073 — 1085). ئىتالىيان. ئەسلى ئىسمى ھىلدېبراند (Hildebrand). ياشلىق دەۋرىدە فرانسىيە ۋە گېرمانىيىدە ئوقۇغان. رىمغا قايتقاندىن كېيىن، مۇناستىرغا كىرگەن. پاپا لېئو Ⅸ تەختتىكى مەزگىلدە (Leo Ⅸ، 1049 — 1054) داڭلىق پوپ بولۇپ، كلۇنى ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. پاپا نىكولاسⅡ (NicholasⅡ) تەختتىكى مەزگىلىدە (1058 — 1061) ۋاتىكان سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى تۈزگۈچىسى بولۇپ قالغان. 1059-يىلى لاتېران دىنىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، پاپانىڭ پەقەت كاردېنال ئېپىسكوپلار ئۆمىكى تەرىپىدىن سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدىغانلىقى، دەھرىي فېئوداللار ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئۇنىڭغا ئارىلاشماسلىقىنى، شۇنداقلا روھانى خىزمەت ئۈستىدە سودىلىشىش ۋە پوپلارنىڭ توي قىلىشى مەنئىي قىلىنىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. پاپا بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، 1075-يىلى دىنىي پەرمان ئېلان قىلىپ، پاپانىڭ دەھرىي ھۆكۈمرانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى،كورۇل ياكى ئىمپېراتورنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش-تۇرغۇزۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. ئېپىسكوپ تەيىنلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅳ بىلەن تىركىشىپ قالغان. 1076-يىلى ھېنرىنى دىن تەۋەلىكىدىن چىقىرىپ، ۋاقىتلىق تىز پۈكۈشكە مەجبۇر قىلغان («كانوسسا» غا قاراڭ). 1084-يىلى، ھېنرى Ⅳ ئەسكەر چىقىرىپ رىمنى ئىشغال قىلىپ، باشقا بىر يېڭى پاپانى تىكلىگەن، گرېگورى جەنۇبقا قېچىپ بېرىپ، ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىنى ئىگىلەپ تۇرغان نورمانلاردىن مەدەت تىلىگەن. كېيىن، نورمانلار رىمغا بېسىپ كىرىپ، بولۇشىچە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، رىم ئاھالىسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، گرېگورى ئۇزاق تۇرالماي، يەنە نورمانلار بىلەن بىللە جەنۇبقا كېتىپ، ياقا يۇرت سالېرنو (Salerno) شەھىرىدە ئۆلگەن.

گرېگې

  • گرېگې[يەشمىسى:]Harmann Kriege، 1820 — 1850). گېرمانىيە «ھەقىقىي سوتسىيالىزم» چىلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى. ئاخباراتچى. 1845-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ، ئادالەتچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، نيۇ-يوركتىكى «ھەقىقىي سوتسىيالىزم» چىلار گۇرۇھىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1846-يىلى 1-ئايدا «خەلق مۇنبىرى گېزىتى» ناملىق ھەپتىلىك گېزىت چىقىرىپ، كوممۇنىزم تەلىماتىنى بۇرمىلاپ، سىنىپتىن خالى «ئىنسانپەرۋەرلىك» ۋە «مىھرىبانلىق» نى سىنىپىي كۈرەش ئۇقۇمىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. پاترىئارخاللىق ئۇششاق يەر مۈلۈكچىلىكىنى غايىۋىلاشتۇرۇپ، يەرنى تەڭ تەقسىم قىلىپ، ئۇششاق ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيىدىن قۇتقۇزۇشنى تەشەببۇس قىلغان. بىر مەزگىل شىمالىي ئامېرىكىدىكى مىللىي ئىسلاھاتچىلار بىلەن ئۆزئارا بىرلىشىپ، «مەملىكەتلىك ئىسلاھات جەمئىيىتى» نى تەشكىللەپ، يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى تەرغىب قىلغان.يەرنى جامائەت مۈلكى سۈپىتىدە ھەربىر ئەمگەكچىگە ھەقسىز تەقسىم قىلىپ بېرىپ، كاپىتالىزم ئېكسپىلاتاتسىيىدىن خالى، ھەممە ئادەم ئىناق ئۆتىدىغان «مېھرىبان يېزا-بازار» لارنى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۆزىنىڭ «يەر ئازادلىقى» ھەرىكىتىنى بارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى، ئەڭ ئالىي مەقسىتى دەپ ئاتىۋېلىپ، ئۇنى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئىشى دەپ مۇبالىغە قىلىپ كۆرسەتكەن.

گرېۋي

  • گرېۋي[يەشمىسى:]Francois Paul Jules Grévy، 1807 — 1891) فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى(1879 — 1887). ئادۋوكاتلىقتىن كېلىپ چىققان. 1848-يىلى قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىدا ئىشلىگەن چاغدا، لۇئى بوناپارتنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىن ئەنسىرەپ، كۈچلۈك زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈم ئورنىتىشقا قارشى تۇرغان. 1851 — 1868-يىللىرى ئادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1868-يىلى قانۇن چىقىرىش ئۆمىكىگە سايلىنىپ، تېزلا لىبېرالىزمچى ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرى بولۇپ قالغان. ئىككىنچى ئىمپېرىيە گۇم بولغاندىن كېيىن، مىللىي پارلامېنتنىڭ باشلىقى (1871 — 1873) ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى (1876) بولغان. زۇڭتۇڭلۇق مۇددىتى ئىچىدە زۇڭتۇڭنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى كۈچىنىڭ بارىچە تۆۋەنلىتىپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتىنىڭ ھوقۇق چېكىنى كېڭەيتكەن. تاشقى سىياسەتكە نىسبەتەن ئېھتىياتچانلىق پوزىتسىيە تۇتقان، مىللىي قىساسچىلىقنى توسقان، مۇستەملىكىچىلىك-كېڭەيمىچىلىككە قارشى تۇرغان. 1887-يىلى كۈيئوغلى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋىلسون جۈنتۇەن شەرەپ ئوردىنىنى ساتقانلىقى سەۋەبىدىن نائىلاج خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئۇنىڭ «سىياسىي ۋە ئەدلىيە ھەققىدىكى نۇتۇقلار توپلىمى» دېگەن ئەسىرى بار.

گرېي

  • گرېي[يەشمىسى:]Edwad Grey، 1862 — 1933) ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1905 — 1916). دەسلەپتە ئوكسفورد داشۆسىدە ئوقۇغان. 1885-يىلى لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1892 — 1895-يىللىرى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، فرانسىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گېرمانىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش دەرۋازىسىنى ئەتمەيدىغانلىقىنىمۇ جاكارلىغان. 1905-يىلى ئەنگلىيە-ياپونىيە ئىتتىپاقىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتقان. 1907-يىلى روسىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئافغانىستان، پېرسىيە ۋە جۇڭگونىڭ شىزاڭ رايونىدىكى تەسىر دائىرىسىنى بۆلۈشۈۋالغان. 1914-يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاش ھارپىسىدا، فرانسىيە، روسىيىلەرنى گېرمانىيە، ئاۋسترىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ھەدەپ كۈشكۈرتۈپ، دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1916-يىلى 12-ئايدا تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىك خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1918-يىلى خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇنىڭ «25 يىل (1892 — 1916)» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

گرىبوئېدوۋ

  • گرىبوئېدوۋ[يەشمىسى:]Александр Сергеевич Грибоедов، 1795— 1829) روسىيىلىك دراماتورگ. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلى1-يىلدىكى روسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئىشلىگەن. 1816-يىلى دېكابرىستلار بىلەن يېقىنلاشقان، 1826-يىلى دېكابرىستلار دېلوسى مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، يېرىم يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. 1828-يىلى ئىرانغا ئەلچى بولۇپ چىققان. ياندۇرقى يىلى تېھراندىكى روسىيىگە قارشى توپىلاڭدا ئۆلتۈرۈلگەن. ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغان «ئەقىل ئازابى» دېگەن كومېدىيىسىدە ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى روسىيە جەمئىيىتىدىكى زىددىيەت ۋە كۈرەشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، دېكابرىستلارنىڭ بەدىئىي ئوبرازى يارىتىلغان.ئۇنىڭ يەنە «ستودېنت» ۋە «ئۆز ئۆيۈم» قاتارلىق كومېدىيىلىرى بار. ئۆلگەندىن كېيىن ئەسەرلىرى توپلىمى نەشىر قىلىنغان.

گرېك پراۋوسلاۋىيە دىنى

  • گرېك پراۋوسلاۋىيە دىنى[يەشمىسى:]يەنى «پراۋوسلاۋىيە دىنى».

گرىگورېسكۇ

  • گرىگورېسكۇ[يەشمىسى:]Nicolae Grigorescu، 1838 — 1907) رومىنىيىلىك رەسسام. نامرات دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. فرانسىيىدە ئوقۇپ، بابىسۇن رەسساملار گۇرۇھىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1877 — 1878-يىللىرىدىكى تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، پىدائىيلار قوشۇنىغا قاتنىشىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىققا ئىگە نۇرغۇن ماي بوياق سۈرەتلەرنى ۋە جەڭگىۋار ھەربىي يۈرۈشكە ئائىت تېز سىزمىلارنى سىزغان. ئاساسىي ئەسەرلىرىدە دېھقانلارنىڭ ئەمگەك ھاياتىنى تەسۋىرلىگەن. قەلىمى ئاددىي-پىششىق، رەڭلىرى ماسلاشقان بولۇپ، قويۇق يېزا تۈسىگە ئىگە. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن «سىموردامنى ئېلىش»، «تاغلىق كەنتتىن كەلگەن دېھقان ئايال» ۋە «دېھقان قىزى» قاتارلىقلار بار.

گرىم

  • گرىم[يەشمىسى:]1) ياكوب ليۇدۋىگ كارل گرىم (Jakob Ludwig Karl Grimm، 1785 — 1863). ياكوب گرىم دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. گېرمانىيىلىك تىلشۇناس، چۆچەك يازغۇچى. كىچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا قانۇن ئۆگەنگەن، كېيىن مەدەنىيەت تارىخىنى ۋە تىلشۇناسلىقنى تەتقىق قىلغان. 1806-يىلى خەلق ئارىسىدىكى ھېكايىلەر، چۆچەكلەر ۋە رىۋايەتلەرنى توپلاش ھەم رەتلەشكە كىرىشكەن. 1814 — 1822-يىللىرى ئىنىسى بىلەن بىرلىشىپ «گېرمانىيە بالىلىرى ۋە ئائىلە چۆچەكلىرى» ۋە «گېرمانىيە ئەپسانىلىرى» نى تۈزگەن. ئۇ نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، ناھايىتى كەڭ تارقالغان. گېتتىنگېن داشۆسىدە تىلشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان، ئىنىسى بىلەن بىرلىشىپ «نېمىس تىلى گرامماتىكىسى» نى تۈزگەن. 1837-يىلى ھاننوۋېر كورولىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن بوشىتىلغان. كېيىن نېمىس تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ۋە قانۇنىيىتى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە «نېمىس تىلىنىڭ تارىخى» دېگەن كىتابنى يازغان ھەمدە 1838-يىلدىن باشلاپ «نېمىس تىلى لۇغىتى» نى تۈزۈشكە كىرىشكەن (ئاران تۆت تومنى پۈتتۈرگەن). تارىخىي سېلىشتۇرما ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، گېرمان مىللىتى تىلشۇناسلىقى تەتقىقاتىنىڭ باشلىنىشىنى ئېچىپ بەرگەن. ئۇ، تارىخىي سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇ نېمىس مىللىتىنىڭ بىرلىكىنى تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن دەلىللىگەن. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان تىل تاۋۇشىنىڭ ئۇيغۇنلۇق قانۇنى «گرىم قانۇنى» دەپ ئاتالغان. (2) ۋېلھېلم كارل گرىم (Wilhelm Karl Grimm، 1786 — 1859). گېرمانىيىلىك تىلشۇناس، چۆچەك يازغۇچى. ياكوب ليۇدۋىگ كارل گرىمنىڭ ئىنىسى. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا قانۇن ئۆگەنگەن. داشۆنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەدەنىيەت تارىخى ۋە تىلشۇناسلىقنى تەتقىق قىلغان. 1806-يىلىدىن باشلاپ خەلق ئارىسىدىكى ھېكايە، چۆچەك ۋە رىۋايەتلەرنى توپلىغان ۋە رەتلىگەن. 1814 — 1822-يىللىرى ئاكىسى بىلەن بىرلىشىپ «گېرمانىيە بالىلىرى ۋە ئائىلە چۆچەكلىرى» ۋە «گېرمانىيە رىۋايەتلىرى» نى تۈزگەن. كېيىن گېتتىنگېن داشۆسىدە تىلشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان، ئاكىسى بىلەن بىرلىشىپ «نېمىس تىلى گرامماتىكىسى» نى تۈزگەن. 1837-يىلى ھاننوۋېر كورولىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، خىزمەتتىن بوشىتىلغان.شۇنىڭدىن كېيىن، نېمىس تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ، ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە «نېمىس تىلىنىڭ تارىخى»، «نېمىس تىلى لۇغىتى» (ئاران تۆت تومنى پۈتتۈرگەن) نى يازغان. خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەت ۋە چۆچەكلەرنى توپلاش ھەم رەتلەشكە كۆپرەك بېرىلىپ، نېمىس چۆچەكلىرى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئاساس سالغان. (3) جون رىچارد گرېن(John Riehard Green، 1837 — 1883) ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس. 1859-يىلى ئوكسفورد داشۆسىنىڭ ئەيسا شۆيۇەنىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، لوندوندا پوپ بولغان. 1869-يىلى سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقتىن لانبىس كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان.1874-يىلى «ئەنگلىيە خەلقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» نى نەشىر قىلغان (خەنزۇچە تەرجىمىسى بار)، كېيىن يەنە تۆت توملۇق قىلىپ تولۇقلاپ، نامىنى «ئەنگلىيە خەلقىنىڭ تارىخى» دەپ قويغان. ئۇنىڭدىكى كۆز قاراشلار يېڭى، ماتېرىياللار مول، قەلىمى جانلىق ھەم كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆپ قېتىم قايتا نەشىر قىلىنىپ، ناھايىتى كەڭ تارقالغان. ماركس بۇ كىتابقا بەك ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇنىڭدىن قىسقارتمىلار ئالغان. كېيىن ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ تارىخ يازغۇچىلار ناھايىتى كۆپ بولغان، غەرب تارىخشۇناسلىقىغا خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ يەنە «ئەنگلىيىنىڭ شەكىللىنىشى»، «ئەنگلىيىنىڭ بويسۇندۇرۇلۇشى» دېگەن ئەسەرلىرى بار. (4) ۋىليام گرېن (William Green، 1873 — 1952) ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى (1924—1952). ئوھىئو شتاتىدا تۇغۇلغان. 61 يېشىدا كان ئىشچىسى بولغان، كېيىن كان ئىشچىلار بىرلەشمىسىنىڭ پائالىيىتىگە پائال قاتناشقان. 1906-يىلى كان ئىشچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئوھىئو رايونلۇق رەئىسى بولغان. 1912—1924-يىللىرى ئامېرىكا كان ئىشچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغان.1924-يىلى لېۋىس قاتارلىقلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ، سىنىپىي ھەمكارلىق سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلغان. 1935-يىلى سانائەتنىڭ تۈرلىرى بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىل قىلىش كېرەكمۇ-يوق دېگەن مەسىلىدە لېۋىس بىلەن ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولغانلىقتىن، ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى پارچىلانغان. لېۋىس ئايرىم ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان. لېكىن گرېندا ۋاپات بولغانغا قەدەر ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇنىڭ «ئەمگەكچىلەر ۋە دېموكراتىيە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

گرىمالدىلار

  • گرىمالدىلار[يەشمىسى:]«گرىمالدى ئۆڭكۈرى»گە قاراڭ.

گرىمالدى ئۆڭكۈرى

  • گرىمالدى ئۆڭكۈرى[يەشمىسى:]ياۋروپانىڭ كونا تاش قوراللار دەۋرىدىكى ئۆڭكۈر خارابىلىرى. ئىتالىيىنىڭ غەربىي-شىمالىدىكى فرانسىيە چېگرىسىغا يېقىن جايدا. 1872-يىلدىن باشلاپ قېزىلغان. ئاساسلىق ئۆڭكۈردىن 12 سى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە پرامىس ئۆڭكۈرى، ئاڭغان ئۆڭكۈرى، كاۋىلون ئۆڭكۈرى قاتارلىقلار تېخىمۇ مۇھىم. ئۆڭكۈرلەردە مۇستې، ئورېنا،گرىمالدى (Grimaldi) قاتارلىق مەدەنىيەت قاتلاملىرى تېپىلغان. قوراللارنىڭ ئىچىدە چاقماق تېشى پارچىسى ۋە پىچاق شەكىلدىكى ئۇستىخان تېپىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە گرىمالدىلار نەسلىدىكى ئىسكىلىت تېپىلغان.ئاڭغان ئۆڭكۈرىدىن تېپىلغان ئىككى ئىسكىلىتتىن قارىغاندا بويى پاكار، بېشى سوزۇنچاق، بۇرنى كەڭ ئىكەن. ئۇنىڭ بىرى قېرى ئايال، بىرى ياش ئەر بولۇپ، پۇت-قولى يىغىلىپ كۆمۈلگەن. ئەتراپىغا قىزىل رەڭلىك بوياق چېچىلغان.

گرىۋنا

  • گرىۋنا[يەشمىسى:]Гривна) قەدىمكى رۇسلارنىڭ پۇل بىرلىكى ۋە ئېغىرلىق بىرلىكى. ⅩⅤ ئەسىردە رۇبلىغا ئۆزگەرتىلگەن. بىر گرىۋنا 10 كوبېيك (Копека) كە تەڭ، بىر كوبېيك [SX(]1[]001[SX)] رۇبلىغا تەڭ.

گلادكوۋ

  • گلادكوۋ[يەشمىسى:]Фёдор Васильевич Гладков، 1883 — 1958) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق يازغۇچى. گىمنازىيىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن چار پادىشاھى ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. 1900-يىلى مەتبۇئاتتا ماقالە ئېلان قىلىشقا باشلىغان. 1920-يىلى روسىيە كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسىگە كىرگەن. ئۇنىڭ «سېمونت»، «ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ» قاتارلىق رومانلىرى، «قەسەم» ناملىق پوۋىستى، ئۆز تەرجىمىھال ترىلوگىيىسى «بالىلىق ھېكايىلىرى»، «جاپالىق يىللار» قاتارلىقلار بار.

گلادىئاتور

  • گلادىئاتور[يەشمىسى:] ئەسلى مەنىسى «قىلىچۋاز» دېگەن مەنىدە (لاتىنچە -gladius «قىلىچ» دېگەنلىك). قەدىمكى رىمدا مەخسۇس قىلىچۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر خىل قۇللار بولغان. بۇلارنىڭ كۆپى ئۇرۇش ئەسىرلىرىدىن كەلگەن. ئېيتىلىشىچە، قىلىچۋازلىق ستورېيلارنىڭ ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئۆلگۈچىلەرنىڭ روھىغا نەزىر-چىراغ قىلىشتىن بارلىققا كەلگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن 264 يىل ئىلگىرى رىمغا تارقالغان (تۇنجى قىلىچۋازلار ئۈچ جۈپ قۇلدىن تەشكىل تاپقان). مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ، قىلىچۋازلىق قۇلدار ئاقسۆڭەكلەر بىلەن باشقا پۇقرالارنىڭ بىر خىل ئادەتتىكى كۆڭۈل ئاچىدىغان پائالىيىتىگە ئايلانغان ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس گلادىئاتورلارنى تەربىيىلەش ئورۇنلىرىنى ئاچقان، چوڭ تىپتىكى تياتىرخانىلار(كلوزىي چوڭ تىياتىرخانىسى) نى قۇرغان؛ سەھنىگە چىققىنىدا، گلادىئاتور قۇللار بىر -بىرى بىلەن ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ئېلىشقان. رىم ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھەشەمەتخورلۇقىغا ئەگىشىپ گلادىئاتورلۇق بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ، ئىمپېرىيىنىڭ ئالدىنقى دەۋرىگە كەلگەندە بايرام ياكى غەلىبىسىنى تەبرىكلەش ۋاقتىدا چوڭ كۆلەمدە ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرغان. بىر قېتىملىق ئېلىشىشقا بىر قانچە يۈز جۈپ گلادىئاتۇر قۇل بىلەن مىڭلاپ يىرتقۇچ ھايۋانلار سەھنىگە چىقىرىلىپ، بىرقانچە كۈن ئېلىشىپ، ئاخىر ھالاكەت بىلەن ئاياغلاشقان. گلادىئاتورلار ۋەھشىي قانخور قۇلدارلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارىغان. سپارتاك قوزغىلىڭىنى مۇشۇنداق بىر تۈركۈم گلادىئاتورلار قوزغىغان.

گلادىستونې

  • گلادىستونې[يەشمىسى:]William Ewart Gladstone، 1809 — 1898) ئەنگلىيە باش ۋەزىرى (1868 — 1874، 1880 — 1885، 1886، 1892 — 1894) لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ يولباشچىسى. باي سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپ ئىدون ھۆكۈمەت مەكتىپى ۋە ئوكسفورد داشۆسىدە ئوقۇغان. 1832-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. سودا ۋەزىرى (1843 — 1845)، مۇستەملىكە ۋەزىرى (1845 — 1847)، مالىيە ۋەزىرى (1852 — 1855، 1859 — 1866) بولغان. 1868-يىلىدىن باشلاپ كۆپ قېتىم باش ۋەزىر بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئىچكى جەھەتتە بەزى ئۈزۈل-كېسىل بولمىغان ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى، مەسىلەن، 1844-يىلىدىكى پارلامېنت ئىسلاھاتىدا سايلام ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ۋە يۇقىرى قاتلام ئىشچىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئورنىنى كۈچەيتمەكچى بولغان. تاشقى جەھەتتە مۇستەملىكىچىلىك كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى پائال يولغا قويغان. 1882-يىلى ئەسكەر چىقىرىپ مىسىرنى بېسىۋالغان. ئۇنىڭ «گومېر يىلنامىسى تارىخى»، «ئۆتكەن ئىشلار» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

گلىنسكې جەمەتى

  • گلىنسكې جەمەتى[يەشمىسى:]Глинские) ⅩⅧ - ⅩⅤ ئەسىرلەردىكى روسىيىنىڭ فېئودال چوڭ ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى. ئىۋان Ⅳ نىڭ ئانىسى، كىنەز گىنە ئېلېنا ۋاسىلېۋنا گلىنسكايا (Елена Васильевна Глинская) تەرەپنىڭ تۇغقانلىرى. ئاساسىي ئەزالىرى ئىۋان Ⅳ نىڭ مومىسى ئاننا گلىنسكايا (Анна Глинская)، چوڭ ئاتىسى مېخائىل گلىنسكى (Миxаил Глинский، ئات-ئۇلاق بېگى) ۋە يۇرى گلىنسكى (Юрий Глинский،ئوزۇق-تۈلۈك بېگى) قاتارلىقلار. 1533-يىلى ئىۋان Ⅳ تەختكە چىققاندا ئاران ئۈچ ياشتا بولۇپ، ئانىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 1538-يىلى ئانىسى ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، چوڭ ئاقسۆڭەكلەر ھوقۇق تالىشىپ، ئىچكى غوۋغا كەسكىن بولغان. ھاكىمىيەت شۇئىسكې (Щуйские) بىلەن بېلىسكې (Бельские) جەمەتىنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنە ئۈزلۈكسىز پۇت تېپىشىش بولۇپ تۇرغان. 1543-يىلى، گلىنسكې جەمەتى 13 ياشلىق ئىۋان Ⅳ كە يول كۆرسىتىپ، بۇيرۇق چۈشۈرۈپ شۇئىسكې جەمەتىنىڭ ئاساسىي ئەزالىرىنى ۋە قوللىغۇچىلىرىنى جازالاتقان (بۇنىڭ ئالدىدا، شۇئىسكې جەمەتى بېلىسكې جەمەتىنى مەغلۇپ قىلغان). شۇنىڭ بىلەن گلىنسكې جەمەتىنىڭ ئوردىدىكى كۈچى كۈچەيگەن. لېكىن چوڭ ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش توختىمىغان. ئۇزۇن يىللار داۋام قىلغان فېئودال ۋاڭ-گۇڭلار جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى روسىيە خەلقىنى تۈگىمەس بالايىئاپەتكە گىرىپتار قىلغان. 1547-يىلى 6-ئايدا، موسكۋادا چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، خەلق فېئودال ئەزگۈچىلەرگە بولغان غەزىپى بىلەن، ھەممىلا يەردە، ئاننا گلىنسكايا سېھرىگەرلىك بىلەن ئوت قويۇپ موسكۋانى كۆيدۈرۈپ تاشلىماقچى بولدى، دېگەن گەپنى تارقاتقان. كېيىن، گلىنسكې جەمەتىگە قارشى موسكۋا قوزغىلىڭى يۈز بېرىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىر ئاغدۇرۇپ تاشلانغان.

گواڭبو

  • گواڭبو[يەشمىسى:]يەنى«ۋياسا» Vyasa).

گوتا پروگراممىسى

  • گوتا پروگراممىسى[يەشمىسى:]گېرمانىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ پروگراممىسى. 1875-يىلى 5-ئايدا گېرمانىيىدىكى ئېيىزىناخچىلار بىلەن لاسسالچىلارنىڭ گوتادا (Gotha) ئۆتكۈزگەن بىرلىشىش قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان. 1874-يىلىدىن ئىلگىرىلا ئېيىزىناخچىلار كۆپ قېتىم لاسسالچىلارغا ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىشىشىنى تەكلىپ قىلغاندا رەت قىلىنغان. كېيىن لاسسالچىلارنىڭ گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى تەسىرى پەيدىنپەي تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن، لاسسالچىلار ئېيىزىناخچىلار بىلەن بىرلىشىشنى ئۆزلۈكىدىن تەلەپ قىلغان. ماركس بىلەن ئېنگېلس بىرلىشىش ۋە ئىتتىپاقلىشىش ئىلمىي كوممۇنىزم پرىنسىپى ئاساسىغا قۇرۇلۇشى، ھەرگىز پرىنسىپ ئۈستىدە سودىلاشماسلىق كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. 1875-يىلى 2-ئايدا ۋېلھېلم لىبكنېخت قاتارلىق كىشىلەر ماركس بىلەن ئېنگېلسنىڭ نەسىھىتىگە قارىماي، ئالدىراپ تېنەپ لاسسالچى ھاسسېلمان (Wilhelm Hasselmann، 1844 — ؟) بىلەن بىرلىكتە لاسسالنىڭ ئاغمىچىلىق كۆزقارىشى بىلەن تولغان پروگرامما لايىھىسىنى تەييارلاپ، شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىككى تەرەپنىڭ ئورگان گېزىتىدە ئايرىم-ئايرىم ئېلان قىلغان. بۇ پروگراممىدا بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىقى كۆككە كۆتۈرۈلگەن، سىنىپتىن تاشقىرى بولغان «ئەركىن خەلق دۆلىتى» تەرغىپ قىلىنغان، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دېكتاتۇرىسى ئىنكار قىلىنغان؛ بارلىق قانۇنىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ ياردىمىگە تايىنىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپى قۇرۇپ، تىنچ يول بىلەن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈش تەشەببۇس قىلىنغان؛ «تۆمۈردەك ئىش ھەققى قانۇنىيىتى» كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، كاپىتالىستىك ياللانما ئەمگەك تۈزۈمىنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىلىك ماھىيىتى يېپىلغان؛ شۇنداقلا ئىشچىلار سىنىپىنىڭ تاشايىنىدىكى «بارلىق سىنىپلار»، جۈملىدىن دېھقانلار ۋە باشقا ئۇششاق بۇرژۇئازىيە «ئەكسىيەتچى بىر گۇرۇھ» دېيىلگەن ھەمدە بۇرژۇئا مىللەتچىلىكى تەرغىب قىلىنغان، پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى تۇرۇلغان. ماركس بىلەن ئېنگېلس ئاغمىچىلىق پروگراممىسى ئاساسىدىكى بىرلىشىشكە قەتئىي قارشى تۇرغان، ماركس «گوتا پروگراممىسىغا تەنقىد» نى يېزىپ رەددىيە بەرگەن.

گوتتۋالد

  • گوتتۋالد[يەشمىسى:]Klement Gottwald، 1896 — 1953) چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى(1948 — 1953)، چېخوسلوۋاكىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى (1945 — 1953). ياغاچچى ئائىلىسىدىن چىققان. 1912-يىلى ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1921-يىلى كوممۇنىستىك پارتىيە قۇرۇلغاندا پارتىيىگە كىرگەن، 1925-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، 1929 — 1945-يىللىرى باش شۇجى بولغان. كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى (1928 — 1943)، سېكرىتارى (1935—1943) بولغان. 1939— 1945-يىللىرى گېرمانىيە قوشۇنى چېخوسلوۋاكىيىنى ئىشغال قىلىپ تۇرغاندا، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ فاشىستلارغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان. ئازادلىقتىن كېيىن زۇڭلى بولغان (1946 — 1948). 1948-يىلى فېۋرال ۋەقەسى جەريانىدا پارتىيە ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ بۇرژۇئازىيىنىڭ سۇيىقەستىنى تارمار قىلغان، شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تۈزۈلگەن يېڭى ئاساسىي قانۇن («9-ماي» ئاساسىي قانۇنى) ماقۇللانغان. 6-ئايدا زۇڭتۇڭ بولغان، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.

گوتچە ئىمارەت

  • گوتچە ئىمارەت[يەشمىسى:] ئېگىز تىك ئىمارەت دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ⅩⅡ—ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن بىر خىل يېڭىچە ئۇسلۇبتىكى ئىمارەتلەر. ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدە ئىتالىيانلار ئوتتۇرا ئەسىرنى جاھالەت دەۋرى دەپ ئاتىغانلىقتىن، «گوت» نىڭ نامى بىلەن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ⅩⅢ-ⅩⅡ ئەسىرلەردە دەسلەپ فرانسىيىدە مەيدانغا كەلگەن، «فرانسۇزچە ئىمارەت» (Opus Franigenum) دەپمۇ ئاتالغان. ئۇنىڭدا رىمچە قېلىن، قاراڭغۇ بولىدىغان، يېرىم ئاي شەكىلدىكى ئەگمە ئىشىكلىك ئىبادەتخانا ئۇسلۇبىنىڭ ئەكسىچە، سىزىقلىرى يەڭگىل، ئۇچلۇق ئەگمىلەر كەڭ قوللىنىلغان، چىرايلىق كىچىك مۇنارلار، يەڭگىل يورۇق يانداش تاملار، ئېگىز تۈۋرۈكلەر، شۇنىڭدەك رەڭلىك ئەينەكتىن ئىشلەنگەن گۈللۈك دېرىزىلەر ياسالغان بولۇپ، بىر خىل يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان، ساماۋى سىرلىق خىيال ھاسىل قىلىنغان. خرىستىئان دىنى ئەۋج ئالغان دەۋرىنىڭ نۇقتىئىنەزەرى ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ماددىي-مەدەنىي قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكىلىرى فرانسىيىدىكى پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋسى، گېرمانىيىدىكى كىيولىن چوڭ چېركاۋسى، ئەنگلىيىدىكى لىنكولىن چېركاۋسى، ئىتالىيىدىكى مىلان چېركاۋسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

گوتساك

  • گوتساك[يەشمىسى:]Andreas Gottschalk، 1815 — 1849) گېرمانىيىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى «سول» چىل ئاغمىچىلارنىڭ باشلىقى. دەسلەپ «ھەقىقىي» سوتسىيالىزم بىلەن ماسلاشقان. 1847-يىلى كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن. 1848 — 1849-يىللىرى گېرمانىيە ئىنقىلابىي ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1848-يىلى4-، 6-ئايلاردا «كيولىن ئىشچىلار بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى بولغان، قانۇنىي كۈرەش قىلىپ، ئىشچىلارنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتىدىكى ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغان، لېكىن پرۇسسىيە پارلامېنتى ۋە فرانكفۇرت مىللىي پارلامېنتى سايلىمىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، «سول» چىل ئاغمىچىلىق يولىغا مېڭىپ، ئىشچىلارنىڭ دېموكراتىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، دەرھال «ئىشچىلار جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي، كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كەتكەن. 1848-يىلى 6-ئايدا پرۇسسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى 12-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. كېيىن، «كيولىن ئىشچىلار بىرلەشمىسى» نى مەركەز قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بىرلەشمىنىىڭ كەڭ ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

گوتشالك

  • گوتشالك[يەشمىسى:]Готшалк، ؟ — 1066) ۋېدېن دۆلىتىنىڭ كىنەزى (1044 — 1066) ئەسلىدە پولاب سلاۋيانلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولغان. ئوبۇدرىتلارنىڭ كىنەزى. كېيىن ليوتچىلار ۋە قىسمەن پومۇرلارنى بىرلەشتۈرۈپ ۋېدېن دۆلىتىنى بەرپا قىلغان. كۈچلۈك دۈشمىنى ساكسون گرېتسوگىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دانىيە كورۇلى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ساقلاپ كەلگەن. كىنەز ھوقۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خرىستىئان دىنىنى تەرغىپ قىلغان؛ ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرى بۇنىڭغا نارازى بولۇپ، كۇپ خۇداغا چوقۇنۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، شۇ ئارقىلىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، باشقىدىن كىرۇتوينى گرېتسوگ قىلىپ سايلىغان.

گوتلار

  • گوتلار[يەشمىسى:]Gothi ياكى Gotthi، ياكى Gothones)گېرمان مىللىتىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى. دەسلەپ ۋىسىدۇرا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى ۋە بالتىق دېڭىزى ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان، مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جەنۇبقا — قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا يۆتكەلگەن، Ⅲ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا داكىيە ئۆلكىسى (ھازىرقى رومىنىيە ئەتراپىدا) گە كىرگەن، ئاندىن رىم چېگرىسىغا دائىم ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان. مىلادى 272-يىلى كورۇل ئائۇرېلىئان (Aurelianus.D. L، 270 — 275-يىللىرى تەختتە بولغان) پۈتكۈل داكىيە زېمىنىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن. Ⅳ — Ⅲ ئەسىرلەردە ئاستا-ئاستا شەرقىي گوتلار (Ostrogoths، ئوستروگوت) ۋە غەربىي گوتلار (Visigoths، ۋىسگوت) دەپ ئايرىلغان. (1) شەرقىي گوتلار مىسىيە ۋە باننونىيە ئەتراپىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. كېيىن شەرققە قاراپ كېڭىيىپ، كونستانتىنوپول (ۋىزانتىيە) غا يېقىنلاشقان. Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي رىم كورۇلىنىڭ ماقۇل كۆرۈشى بىلەن (غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى مۇنقەرز بولغان) ئىتالىيىگە كىرىپ ئولتۇراقلاشقان. تېئودورىك ئىتالىيىدە كورۇل بولۇپ، شەرقىي گوت پادىشاھلىقى (493) نى قۇرغان. (2) غەربىي گوتلار ھونلار (ئاسىيادىن كەلگەن) نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن، 375-يىلى رىم دائىرىلىرىنىڭ رۇخسىتى بى-لەن دوناي دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى داكىيەدىن دەريانىڭ جەنۇبىدىكى مىسىيە ئۆلكىسى ۋە تراسېي ئەتراپىغا كۆچكەن. كېيىن رىمغا قارشى چوڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 378-يىلى ئادرىئانوپول جېڭىدە رىم پادىشاھى ۋالېنىسنى ئۆلتۈرگەن. كېيىن ئىتالىيىگە كىرگەن (شەرقىي گوتلاردىن ئىلگىرى). 410-يىلى غەربىي گوتلار ئالارىك Ⅰ نىڭ يېتەكچىلىكىدە رىم شەھىرىنى ئالغان. ئاندىن كېيىن، غەربىي گوتلار ئىتالىيىنى تاشلاپ، گاللىيە (فرانسىيە) ئارقىلىق، پىرىنېئوس تېغىدىن ئۆتۈپ، ئىسپانىيىنى ئىشغال قىلىپ، غەربىي گوت پادىشاھلىقىنى قۇرغان (419).گوتلار بولۇپمۇ غەربىي گوتلار «ۋارۋارلار» نىڭ كەڭ تۈردە كۆچۈشى ۋە غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ يوقىلىشى جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

گوتلار ئۇرۇشى

  • گوتلار ئۇرۇشى[يەشمىسى:] مىلادى 535 — 555-يىللىرى شەرقىي گوتلارنىڭ ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى يوستىنىئانغا قارشى ئۇرۇشى. «شەرقىي گوت پادىشاھلىقى» غا قاراڭ.

گوتو شوجىرو

  • گوتو شوجىرو[يەشمىسى:]1838 — 1897) ياپونىيىلىك سىياسىي ئەرباب، مېيجى ھۆكۈمىتى ۋەزىرى، ئەسلى ئىسمى موتو ئاكى. توسا ۋاسساللىقىدىكى سامۇراي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ۋاسسال يامانو ئۇچى تويوشىگې تەرىپىدىن ئېتىبار بىلەن ئىشلىتىلىپ، دۆلەتنى باي، ئارمىيىنى كۈچلۈك قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. 1866-يىلى قورال-ياراق سېتىۋېلىش ئۈچۈن ناگاساكىغا ھەمدە جۇڭگونىڭ شاڭخەي شەھىرىگە كەلگەن. كېيىن ساكاموتورىيومانىڭ تەسىرى بىلەن، ھاكىمىيەتنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش مەزگىلىدە باش مەسلىھەتچى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى، سول تەرەپ ئىشلىرى باش ھۆكۈمدارى بولغان.1873-يىلى «چاۋشيەنگە يۈرۈش قىلىش مەسلىكى» نى تەرغىپ قىلغانلىقتىن، ئىتاگاكى تايسۇكې قاتارلىقلار بىلەن بىللە، خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1874-يىلى ۋەتەنپەرۋەر ھەققانىيەتچىلەر پارتىيىسىنى تەشكىللەشكە قاتنىشىپ، خەلق سايلىمى پارلامېنتى تەسىس قىلىشنى تەكلىپ قىلغان. 1881-يىلى لىبېرالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1882-يىلى ھۆكۈمەتنىڭ ماددىي ياردىمىنى قوبۇل قىلىپ، ئىتاگاكى تايسۇكېنى ئۆزى بىلەن بىللە چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىشقا كۆندۈرگەن. ئىككىنچى يىلى قايتىپ كەلگەن. 1887-يىلى ھۆكۈمەتكە قارشى گۇرۇھلارنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق ھەرىكىتىنى قوزغىغان. 1889-يىلى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن مۇرەسسەگە كېلىپ، پوچتا ۋەزىرى، يېزا ئىگىلىك سودا ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى مەزگىلىدە، چاۋشيەن ۋە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىغا بولغان ھەربىي كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشنى تەكلىپ قىلىپ، جاھانگىر ئۇنسۇرغا ئايلىنىپ كەتكەن.

گوتىئانلار

  • گوتىئانلار[يەشمىسى:]Gutians) ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى زاگرۇس (Zagrus) تاغلىق رايونىدا ياشىغۇچى قەدىمكى زامان ئاھالىلىرى. مىلادىدىن ئاۋۋالقى ⅩⅩⅢ ئەسىرلەردە مېسپوتامىيە ۋادىسىنىڭ غەربىي چېگرىسىغا (ھازىرقى ئىراق) بېسىپ كىرىپ، قىرغىنچىلىق، ۋەيرانچىلىق قىلغان، شۇڭا سۇمېر ئويما يېزىقلىرىدا ئۇلارنى «تاغلىق ئەجدىھالار» دەپ ئاتىغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 2230 يىل ئىلگىرى ئاككاد پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ، پۈتكۈل مېسپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن ⅩⅩⅡ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۈرۈك پادىشاھى ئوتۇھېگال تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، قوغلاپ چىقىرىلغان. گوتىئانلار مېسپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا تەخمىنەن بىر ئەسىر ۋاقىت تۇرۇپ، پەيدىنپەي سۇمېر ۋە ئاككاد تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان.

گوچ

  • گوچ[يەشمىسى:]George Peabody Gooch، 1873 — 1968) ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس. دەسلەپ كېمبرىج داشۆسىدە ئوقۇپ، كېيىن بېرلىن داشۆسى ۋە پارىژ داشۆسىدە ئوقۇغان. 1905 — 1910-يىللىرى لىېبرالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1911-يىلىدىن كېيىن لىېبرالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئايلىق ژۇرنىلى «ھازىرقى زامان ئوبزورچىلىقى» نىڭ باش تەھرىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1922 — 1925-يىللىرى ئەنگلىيە تارىخشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان، سىياسىي جەھەتتە گېرمانىيىگە يېقىنلىشىش خاھىشىدا بولغان، ئىلىم-پەن جەھەتتە دەسلەپتە گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس لانېرنى ئىززەتلىگەن، كېيىنچە تويىنجېنىڭ تارىخىي فورماتسىيە ئىلمىنى مەدھىيىلىگەن. ئۇ ئاساسلىقى خەلقئارالىق مۇناسىۋەت تارىخى، گېرمانىيە تارىخى ۋە تارىخشۇناسلىق تارىخىنى تەتقىق قىلغان. «گېرمانىيە بىلەن فرانسىيە زور ئىنقىلابى»، «1871 — 1914-يىللاردىكى فرانسىيە-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى»، «يېقىنقى زامان ياۋروپا تارىخى»، «ⅩⅨ ئەسىر تارىخى ۋە تارىخشۇناسلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە «كېمبرىج ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار سىياسىتى تارىخى» ۋە «ئەنگلىيە ئۇرۇشى مەنبەسىنىڭ ھۈججەتلىرى، 1898 — 1914-يىللار» ناملىق ئىككى مەجمۇئەنىڭ مەسئۇل تەھرىرلىرىدىن بىرى بولغان.

گودوي

  • گودوي[يەشمىسى:]De Faria Mnuelde Godoy Alvarez، 1767 — 1851) ئىسپانىيە باش ۋەزىرى (1792 — 1798، 1801 — 1808). كىچىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1784-يىلى خانلىق گۋاردىيە قىسمىغا كىرىپ، كەلگۈسى خانىكە مارىيە لوئىزانىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەن. 1792-يىلى گرىتسوگ نامى بېرىلگەن. تۇنجى باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، 1795-يىلى ئىسپانىيىنىڭ فرانسىيە بىلەن قىلغان ئۇرۇشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، «بازېل تىنچلىق كېلىشىمى» ئىمزالىغانلىقى ئۈچۈن «تىنچلىق شاھزادىسى» دېگەن نام بېرىلگەن. 1798-يىلى نەزەردىن چۈشۈپ قېلىپ خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان. قايتىدىن باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، ماندارىن ئۇرۇشىدا ئىسپانىيە قوشۇنلىرىغا ئۆزى قوماندانلىق قىلغان. 1808-يىلى كورۇل چارلېسⅣ ئارانجۇئېز (Aranjuez) دا تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغاندا، شاھزادە فېرناندو تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. فېرناندو ناپولېئوننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇنى بايون (Bayonne) غا ئاپىرىپ قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن چارلېسⅣ بىلەن بىللە تۇرغان. 1830-يىلدىن كېيىن فرانسىيە كورۇلى لۇئ-ى فىلىپنىڭ ياردەم پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. 1847-يىلى ئىسپانىيە كورۇلى ئىزابېلⅡ ئۇنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان مال-مۈلكىنى قايتۇرۇپ بەرگەن. پارىژدا ئالەمدىن ئۆتكەن. «ئەسلىمىلەر» دېگەن ئەسىرى بار.

گودۋىن

  • گودۋىن[يەشمىسى:]Willian Godwim، 1756 — 1836). ئەنگلىيىلىك سوتسىئولوگ ئىجتىمائىي مۇتەپەككۇر. پوپ ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، كېيىن ئاتېئىزمغا ئېتىقاد قىلغان. ئۇ ئەقلىي تەربىيە ئارقىلىق مۇكەممەل بىر جەمئىيەت قۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، فېئوداللىق تۈزۈمنى ئەيىبلەپ، مۇستەقىل ئەركىن ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ئىدىيىسى كېيىنكى خىيالىي سوتسىيالىزمچىلارغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئەسەرلىرىدىن «سىياسىي ھەققانىيەت توغرىسىدا» دېگەن سىياسىي مۇھاكىمە ماقالىسى، «كارلىب ۋىليامىسنىڭ خەتەرلىك سەزگۈرەشتلىرى» دېگەن رومانى ۋە باشقىلار بار.

گودۋىن

  • گودۋىن[يەشمىسى:]Godwine ياكى Godwin، ؟ — 1053) ئەنگلىيىنىڭ ئانگلو-ساكسون دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئەڭ چوڭ نوپۇزلۇق مەنسەپدار. كىنۇد ئەنگلىيىگە كىرىپ خوجايىنلىق قىلغاندىن كېيىن، تەخمىنەن 1018- يىلى غەربىي ساكسون گرافى بولغان. 1042-يىلى، ئەنگلىيە كورۇلى ئېدۋارد (تۆۋە قىلغۇچى) تەختكە چىققاندىن كېيىن، مۇھىم ۋەزىپىنى ئىگىلەپ، خاندانلىقنى باشقۇرغان. 1045-يىلى قىزى ئېدىسنى (Edith) ئېدۋاردقا بەرگەن. 1051-يىلى، ئېدۋارد مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان ھەمدە ئۇنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان. ياندۇرقى يىلى گودۋىن ئاقسۆڭەكلەر توپىلىڭىنى قوزغاپ، ئېدۋاردنى ئۇنىڭ مال-مۈلكى ۋە ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان. 1066-يىلى، ئېدۋارد قازا تېپىپ، گودۋىننىڭ چوڭ ئوغلى ھارولد مۆتىۋەرلەر يىغىنى تەرىپىدىن ئەنگلىيە كورۇللۇقىغا سايلانغان، ئۇ ھارولدⅡ دەپ ئاتالغان.

گودېسبېرگ ئۇلتىماتۇمى

  • گودېسبېرگ ئۇلتىماتۇمى[يەشمىسى:] فاشىست گېرمانىيىنىڭ چېخوسلوۋاكىيىنى پارچىلايدىغان دىپلوماتىك ھۈججىتى. گىتلېر 1938-يىل 9-ئاينىڭ 22-كۈنى گېرمانىيىدىكى گودېسبېرگ (Godesberg) دا چېمبېرلىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتىدىن 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئىلگىرى سودېت رايونىدىن بارلىق ئارمىيە، ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى؛ گېرمان ئاھالىسى %50 تىن ئارتۇق بولغان رايونلارغا گېرمانىيە ھەربىي ئىشغالىيەت يۈرگۈزۈشنى، قالغان رايونلارنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىنى 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن ئىلگىرى پۇقرالار ئاۋازىغا قويۇپ ھەل قىلىشنى يولسىزلارچە تەلەپ قىلغان. ئىككىنچى كۈنى، گىتلېر يۇقىرىقى تەلەپلىرىنى چېمبېرلىنغا ئۇلتىماتۇم شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلتىماتۇم چېخوسلۇۋاكىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئەنگلىيە، فرانسىيىلەر ئىتتىپاقداشلىرىغا خائىنلىق قىلىپ، ئۇلتىماتۇمنىڭ ئاساسىي تەلەپلىرىنى ئاخىر قوبۇل قىلىپ، چېخوسلوۋاكىيىگە ساتقۇنلۇق قىلىنغان «ميۇنخېن كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان.

گورباتوۋ

  • گورباتوۋ[يەشمىسى:]Борис Леонтьевич Горбатов، 1908 — 1954) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق يازغۇچى. ياش ۋاقتىدا دۇنباستا ئىشلىگەن. ئەدەبىي پائالىيىتىنى 1922-يىلدىن باشلىغان. 1930-يىلى سوۋېت كوممۇنىستلار (بولشېۋىكلار) پارتىيىسىگە كىرگەن. ئەسەرلىرىدىن، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن پوۋېستلىرى «ياچېيكا» ۋە «بىز ئەۋلادلار» بار؛ يەنە شىمالىي قۇتۇپنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ھاياتى تەسۋىرلەنگەن «ئادەتتىكى شىمالىي قۇتۇپ بەلبېغى» بار. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئەسەرلىرىدىن، ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ۋە كۈرىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن پوۋېستلىرى «جەڭچى ئالېكسى كورىكوۋ»، «تىز پۈكمەس كىشىلەر» ۋە سىياسىي ئوبزورى «يولداشلارغا خەت» قاتارلىقلار بار. ئۇرۇشتىن كېيىن يازغان ئەسەرلىرىدىن سىتاخانوۋچىلىق ھەرىكىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان رومانى «دۇنباس» ۋە كىنو سنارىيىسى «دۇنباس خاڭچىلىرى» قاتارلىقلار بار.

گورچاكوۋ

  • گورچاكوۋ[يەشمىسى:]Александр Михайлович Горчаков، 1798 — 1883) روسىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى(1856 — 1882)، باش ۋەزىرى (1867 — 1882). 1817-يىلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە خىزمەت ئىشلىگەن، مۇقەددەس ئىتتىپاق چاقىرغان يىغىنلارغا كۆپ قېتىم قاتناشقان ھەمدە كۆپ يىللار چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈرگۈزگەن؛ ئاسىيادا، ئىككىنچى قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى «ئەيخۇي شەرتنامىسى»، «بېيجىڭ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان، كېيىن يەنە ئەسكەر ئەۋەتىپ جۇڭگونىڭ ئىلى رايونىنى بېسىۋالغان؛ ياۋروپادا، 1870-يىلىدىكى پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، «پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى» دىكى روسىيىنىڭ قارا دېڭىزدا فلوت ساقلىشىنى مەنئى قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ماددىلارنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇزۇن ئۆتمەي پرۇسسىيە، ئاۋسترالىيىلەر بىلەن ئۈچ پادىشاھلىق ئىتتىپاقى قۇرۇپ،1877 — 1878-يىللاردىكى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىنى ئېلىپ بارغان. 1878-يىلى بېرلىن يىغىنىغا قاتنىشىپ، روسىيىگە پايدىسىز بولغان «بېرلىن شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولۇپ، روسىيىنىڭ بالقان رايونىدىكى ئورنىغا تەسىر يەتكۈزگەن. 1882-يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن.

گور خاندانلىقى

  • گور خاندانلىقى[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئافغانىستان خاندانلىقى. Ⅻ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھېرات بىلەن غەزنى ئوتتۇرىسىدىكى گور (Ghor ياكى Ghur) تاغلىق رايونىدا بارلىققا كەلگەن. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ئەسلى غەزنەۋىيلەر سۇلالىسىگە تەۋە بولغان، 1151-يىلى گور خانى ئالاۋۇددىن ھۈسەيىن(Ala ud din Husain، ؟ — 1163) ئەسكەر باشلاپ، غەزنەۋىيلەر ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى تۇرۇپ، غەزنى شەھىرىنى ئىشغال قىلغان ۋە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئۇنىڭ جىيەن ئوغلى غىياسىددىن مۇھەممەد(Ghiyas ud din Muhammad) تەختتە ئولتۇرغان چاغدا (1163 — 1203) بۈگۈنكى پۈتۈن ئافغانىستان زېمىنىغا ئىگە بولغان ھەمدە ئىرانغا كېڭەيمىچىلىك قىلغان. ئۇنىڭ ئىنىسى مۇھەممەد (گورلىك) ھىندىستانغا كۆپ قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 1186-يىلى غەزنى خاندانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن يەنە ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىنى بويسۇندۇرغان. 1206-يىلى مۇھەممەد (گورلىك) زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن. خاندانلىق شۇنىڭ بىلەن پارچىلانغان. دېھلى ۋالىيسى ئايبەك مۇستەقىل بولۇپ، قۇللۇق خاندانلىق قۇرغان. 1215-يىلى گور خاندانلىقى خارەزم سۇلتانى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.

گوردون

  • گوردون[يەشمىسى:]Charles George Gordon، 1833 — 1885) ئەنگ-لىيىلىك مۇستەملىكىچى ئوفىتسېر. ئوفىتسېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1852-يىلى خانلىق ساپىيۇرلار قىسمىغا كىرىپ، ھەربىي ھاياتىنى باشلىغان. 1860-يىلى جۇڭگوغا ئەۋەتىلگەن، بېيجىڭغا ھۇجۇم قىلىش، يۈەنمىڭيۇەن بېغىنى كۆيدۈرۈش، بۇلاشقا قاتناشقان. كېيىن «غالىب قوشۇن» غا باشلىق بولۇپ، تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابىنى باستۇرغان. 1885-يىلى گراۋېسېند (Grawesend) خانلىق ساپىيورلار قىسمىغا قوماندان بولغان. 1874—1880-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، سۇداننىڭ ئېكۋادور ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ۋە سۇداننىڭ باش ۋالىيسى بولۇپ، دارفور (Darfur) قاتارلىق جايلاردىكى قوزغىلاڭلارنى باستۇرغان. 1882-يىلى كاپې مۇستەملىكىسىدىكى ئەنگلىيە قوشۇنىنىڭ باشلىقى بولۇپ، كۆپ قېتىملىق مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشلىرىغا قوماندانلىق قىلغان. 1884-يىلى گېنېرال پولكوۋنىك بولۇپ كۆتۈرۈلۈپ، قايتىدىن سۇدانغا باش ۋالىي قىلىپ تەيىنلىنىپ مەھدى قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. ئىككىنچى يىلى خارتۇم ئۇرۇشىدا ئوق تېگىپ ئۆلگەن.

گوركا خاندانلىقى

  • گوركا خاندانلىقى[يەشمىسى:]نىپال خاندانلىقى. ئەسلى نىپالنىڭ غەربىدىكى گوركا (Gorkha) رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1559-يىلى ھىندىستانلىق راجپۇت بېگىنىڭ ئەۋلادى قۇرغان. ⅩⅧ ئەسىردە قۇدرەت تاپقان. 1768 — 1769-يىللىرى پرىتۋىي نارايان شاھ (Prithvi Narayan Shah، 1742 — 1775) مارا خاندانلىقىنىڭ كاتماندۇ، پاتان ۋە بادېگاندىن ئىبارەت ئۈچ كىچىك بەگلىكىنى يوقىتىپ، كاتماندونى پايتەخت قىلغان. خاندانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى پائال يولغا قويغان. زېمىنى شەرقتە دارجىلىڭدىن غەربتە كەشمىرگىچە بولغان رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسى بىلەن بىرنەچچە قېتىم جەڭ قىلغان. كېيىن پادىشاھ ھاكىمىيىتى ئاجىزلاشقان. چوڭ ئاقسۆڭەك جەمەتلىرى ئۆزئارا ئورا كولاپ، ھاكىمىيەت تالاشقان.1814-يىلى ئەنگلىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نېپالغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1816-يىلى ئەنگلىيە بىلەن «ساگورى شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، زېمىن بۆلۈپ بېرىشكە، ئەنگلىيىنىڭ تۇرۇشلۇق ئەمەلدارىنى قوبۇل قىلىشقا، دىپلوماتىيە جەھەتتىن ئەنگلىيىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1846-يىلى ئەنگلىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، رانا (Rana) جەمەتى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. رانا جەمەتى ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە نېپال ئەنگلىيىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان. 1923-يىلى خەلقنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشى ئارقىسىدا، ئەنگلىيە نېپال بىلەن «مەڭگۈ تىنچلىق شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، نېپالنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1950-يىلى يەنە «تىنچلىق-دوستلۇق شەرتنامىسى» ئىمزالانغان. 1951-يىلى رانا جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاياغلاشقان. 2-ئاينىڭ 18-كۈنى پادىشاھ ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلىپ، پادىشاھلىق-ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى يولغا قويغان.

گوركى

  • گوركى[يەشمىسى:]Максим Γорькнй، 1868 — 1936) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق يازغۇچى. سوۋېت سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى. ئەسلى ئىسمى ئالېكسىي ماكسىموۋىچ پېشكوۋ (Алексей Максимович Пешков). تۆۋەنكى نوۋگوروددىكى ياغاچچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئاران ئىككى يىللا ئوقۇغان. ئون يېشىدىن تارتىپ ئۆزى تىرىكچىلىك قىلغان. شاگىرت، پرىستان ئىشچىسى، بولكىچى بولۇپ ئىشلىگەن، روسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ دەرت-ئەلەملىرى بىلەن تازا تونۇشقان. 1884-يىلى قازانغا بېرىپ، ئىلغار ئىدىيىنى قوبۇل قىلغان. ئۆزلۈكىدىن نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇغان.1899-يىلدىن تارتىپ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ «فۇما كوردېيېۋ»، «ئۈچ ئادەم» دېگەن رومانلارنى، «مىشچانلار»، «ئاستىدا»، «دۈشمەن» دېگەن سەھنە ئەسەرلىرىنى، «ئاكولوپ شەھىرى» ۋە «ماتىۋىي كوزىۋىننىڭ ھاياتى» دېگەنگە ئوخشاش پوۋېستلارنى يازغان، ئۇنىڭدا بۇرژۇئازىيە، مىشچانلار ۋە شەھەر كەمبەغەللىرىنىڭ ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن. ئۇ يەنە «لاچىن قۇش قوشىقى»، «بورانقۇش» دېگەنگە ئوخشاش شېئىرلارنى يېزىپ، ئاممىنى ئىنقىلابىي كۈرەشنى كۈتۈۋېلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. 1905-يىلى روسىيە سوتسىيال-دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن ھەمدە پېتېربۇرگدا تۇنجى قېتىم لېنىن بىلەن كۆرۈشكەن. ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، بىرنەچچە قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1906-يىلى «ئانا» رومانىنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭدا روسىيىدىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرىشى تەسۋىرلەنگەن، ئۇ سوتسىيالىستىك رېئالىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى سالغان ئەسەر دەپ قارالغان. 1913-يىلى سەككىز يىلدىن كۆپرەك داۋام قىلغان سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ۋەتىنىگە قايتىپ، ئۆز تەرجىمىھالى شەكلىدىكى ترىلوگىيە «بالىلىق دەۋر» ۋە «كىشىلەر ئىشىكىدە» دېگەن ئىككى قىسمىنى پۈتتۈرۈپ، لېنىننىڭ ياخشى باھاسىغا ئىگە بولغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1934-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا رىياسەتچىلىك قىلغان، قۇرۇلتايدا سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى رەئىسلىكىگە سايلانغان. «مېنىڭ دارىلفۇنۇنۇم»، «ئارتامونوۋلارنىڭ ئىشى»، «كىلىم سامىگىننىڭ ھاياتى» دېگەنگە ئوخشاش رومانلارنى يازغان، شۇنداقلا يەنە ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەرىيىسى، ئەدەبىي تەنقىد ۋە سىياسىي مۇھاكىمىگە ئائىت نۇرغۇن ماقالە ۋە ئەسلىمە، ئوچېرىكلارنى يازغان.

گورگىياس

  • گورگىياس[يەشمىسى:]Gorgias، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 483 — 375) قەدىمكى يۇنانلىق پەيلاسوپ. سوفىستلار (دانىشمەنلەر Sophistes —) نىڭ ۋەكىلى. داڭلىق ستىلىستىكاشۇناس ۋە يازغۇچى. سىتلىيە ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى لېئونتىنى (Leontini) شەھىرىدە تۇغۇلغان. مىلادىدىن 427 يىل ئىلگىرى بۇيرۇققا بىنائەن ئافىناغا ئەلچى بولۇپ بېرىپ (پېلوپوننېسا ئۇرۇشىنىڭ باشلىرىدا)، ئافىنالىقلاردىن سۇراكۇغا قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، زۇۋاندازلىقى بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. كېيىن مەملىكەت ئىچىدە سىياسىي ماجىرا بولغاندا، چەتكە قېچىپ كېتىپ، ستىلىستىكا ۋە باشقا بىلىملەردىن دەرس بەرگەن، شۇ چاغدا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەچكە پلاتون «گورگىياس» دېگەن ئەسەرنى يازغان. گورگىياس دانىشمەنلەرنىڭ بىرى بولغان پىتاگورانىڭ ئىدىيىسىنى ئالغا سۈرۈپ، شۈبھىچىلىك ئۈستىدە يېڭى ئاقلاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۆزىنىڭ «غەيرىي مەۋجۇتلۇق توغرىسىدا ياكى تەبىئەت توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىدە (سېكىستۇ ئىمپىرىكۇ «ماتېماتىكلارغا قارشى» دېگەن ئەسىرىدە نەقىل كەلتۈرگەن). ئۆزىنىڭ ئۈچ ھۆكۈمىنى ساقلاپ قالغان: (1) «مەۋجۇت ھېچنېمە يوق». بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، مەۋجۇت نەرسە بولىدىكەن، نەرسە بارلىققا كېلىشى كېرەك، لېكىن يوقلۇقتىن بارلىققا كەلمەيدۇ، بارلىقتىنمۇ بارلىققا كەلمەيدۇ. مەۋجۇتلۇق مەۋجۇتلۇق بولمايدۇ، غەيرىي مەۋجۇتلۇقمۇ مەۋجۇت ئەمەس. دېمەك، ھەممە نەرسە مەۋجۇت ئەمەس؛ (2) «مەلۇم نەرسە مەۋجۇت بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى بىلگىلى بولمايدۇ»، بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، نەرسە بىلەن ئادەمنىڭ ئىدىيىسى بىر گەپ ئەمەس (تەپەككۇر بىلەن مەۋجۇدىيەت بىردەك بولمايدۇ)، ئەگەر بىر گەپ بولىدىغان بولسا ئادەمنىڭ بىلىشىدە خاتالىق بولماسلىقى كېرەك، بىر گەپ بولمىغانىكەن، نەرسىگە ئوخشاش بولمىغان ئىدىيە بىلەن نەرسىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس؛ (3) «بىلگەن ھالەتتىمۇ باشقىلارغا ئۆگىتىش مۇمكىن ئەمەس»، بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، تىل پەقەتلا بىر خىل بەلگە ياكى ئالامەت، تىل بىلەن بىلىم ئىككىسى ئىككى گەپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىپادىلەنگەن بىلىمگە ئىشىنىش تەس، شۇڭا بىلىمنى ئۆگىتىش ئاخىرقى ھېسابتا مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھۆكۈملەر ھەقىقەتنى تېپىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئىنكار قىلىش دەرىجىسىگە يەتكەن. بەزىلەر، بۇ ھۆكۈملەر پارمېدېنىڭ تەپەككۇر بىلەن مەۋجۇدىيەتنىڭ «بىرلىكى تەلىماتى» غا قارىتا ئېيتىلغان بولسا كېرەك، دەپمۇ كۆرسەتكەن. ھازىر گورگىياسنىڭ نامىدا ساقلىنىۋاتقان ئەسەرلەردىن «پارامېدىغا رەددىيە» بىلەن «ئېنكىمىئاننىڭ ھېروننا توغرىسىدا» دېگەن ئەسەرلەر بار، لېكىن بۇلار يالغان دېگەن پەرەزلەرمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا ستىلىستىكا توغرىسىدىكى ئەسەرلەر پۈتۈنلەي دېگۈدەك يوقاپ كەتكەن. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەسەرلەر قەدىمكى زاماندا بەزى ناتىقلارغا، بولۇپمۇ ئىسوكراتې قاتارلىقلارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن.

گورودسوۋ

  • گورودسوۋ[يەشمىسى:]Василий Алексеевич Городчов، 1860 — 1945) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ئارخېئولوگ. 1888-يىلىدىن باشلاپ يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ خارابىلىرىنى تەكشۈرگەن. 1903 — 1929-يىللىرى دۆلەتلىك تارىخ مۇزېيىدا خىزمەت قىلغان. 1928 — 1933-يىللىرى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدىكى تىمونوۋكا (Тимоновка) يېزىسىدا قېزىپ تەكشۈرۈپ، قەدىمكى تاش قورال دەۋرىدىكى ئىنسانلارنىڭ گەمە شەكلىدىكى ئۆيلىرىنى تۇنجى بولۇپ تاپقان. تەتقىق قىلىش دائىرىسى كەڭرەك بولۇپ، روسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن تېپىلغان برونزا قورال دەۋرى مەدەنىيىتىگە قارىتا يىلنامىلاشتۇرۇش خىزمىتى ئىشلەپ، شەرقىي ياۋروپانىڭ برونزا قورال دەۋرى ئارخېئولوگىك تەتقىقاتىغا تۆھپە قوشقان. يەنە ئارخېئولوگىيە مېتودىكىسى. مۇزېيشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. سوۋېت ئىتتىپاقى خىزمەت كۆرسەتكەن ئالىمى، دېگەن نامغا ئېرىشكەن ھەمدە لېنىن ئوردېنى ئالغان. «ئىپتىدائىي دەۋر ئارخېئولوگىيىسى»، «ئوتتۇرا قىسىم روسىيىنىڭ برونزا قورال دەۋرىدىكى مەدەنىيىتى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

گوريوكاكۇ ئۇرۇشى

  • گوريوكاكۇ ئۇرۇشى[يەشمىسى:]خاكوداتې ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «بېلىق يىلى ئۇرۇشى» غا قاراڭ.

گوزان ئەدەبىياتى

  • گوزان ئەدەبىياتى[يەشمىسى:]ياپونىيىدىكى كاماكۇرا دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن موروماچى دەۋرىنىڭ ئاياغلىرىغىچە كيوتودىكى بەش ساڭرام — ئون بۇتخانىدىكى دىيانا راھىبى لىن جىزوڭ تەشەببۇس قىلغان خەنزۇ يېزىقى ئەدەبىياتى. يۇەن سۇلالىسى راھىبى ئېچيامايىنىڭ (1247 — 1317)قاتارلىقلار ياپونىيىگە كەلگەندىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان راھىبلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېلىگە قايتىپ كېلىشى بىلەن خەنزۇ يېزىقى ئەدەبىياتىدا يۇقىرى دولقۇن شەكىللەندى. بۇنى ئۈچ دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ: (1) ئالدىنقى دەۋر:كاماكۇرا دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن شىمال-جەنۇب سۇلالىلىرى دەۋرىگىچە، يۇكمۇرا تومۇتۇشى، كوكان شېرېن، ناكائىۋايۋەنيۇ ھەمدە ئۇلاردىن سەل كېيىنكى گىتوشوشىن، تارومى خەيجۇڭجىن قاتارلىقلار بۇ دەۋرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە يازغۇچى-شائىرلىرىدۇر. بۇلارنىڭ ئەسەلىرىدە خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ ئۇسلۇبى قويۇقراق، مەدھىيە-قەسىدىلىرى دىنىي تۈس ئالغان. (2) ئوتتۇرا دەۋرى: مۇروماچى دەۋرىنىڭ باشلىرىدىن ئونىن توپىلىڭىغىچە، تائىما كۇجېنشۋەن ئىشۇ دېيەن، شىندېن چىڭبو قاتارلىقلار بۇ دەۋرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە يازغۇچى-شائىرلىرىدۇر. بۇ دەۋردىكى راھىبلار ئۆزلىرى «راھىبلار ئەدەبىياتى» دەپ ئاتىۋالغان ئەسەرلىرىدە ياپون ئۇسلۇبى بار. (3) ئاخىرقى دەۋرى: ئونىن توپىلىڭىدىن كېيىنكى دەۋر. كىسېي لىڭيەن، تەيجى زاڭجۇ، تيەنيىن لۇڭزې قاتارلىقلار بۇ دەۋرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەدىبلىرى سانىلىدۇ. بۇ دەۋردىكى ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىيلىكى ئاشقان بولۇپ، ياپون ئۇسلۇبى كۆپرەك. سۇشى ۋە خۇاڭ تىڭجيەن شېئىرلىرىگە تەقلىد قىلىپ يېزىلغان ئەسەرلەر زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. نەسرىي ئەسەرلەر ئاساسىي جەھەتتىن جۈپلۈك ئۇسلۇبتا يېزىلغان. شېئىرلار كۆپىنچە يەتتە بوغۇملۇق رۇبائىي شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، سوئال-جاۋاب خاراكتېرى كۈچلك، شېئىرىي مەزمۇن ئازراق. بۇ ئەدەبىيات ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 300 يىل ھۆكۈم سۈرۈش بىلەن ياپونىيە خەنزۇ يېزىقى ئەدەبىياتى تارىخىدا ئەڭ گۈللەنگەن دەۋر بولۇپ قالغان. شۇنىڭدەك ياپونىيە-جۇڭگو مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخىدىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

گوسپودار

  • گوسپودار[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى مونتېنېگرو ھۆكۈمرانلىرىنىڭ نامى. گوسپودار (Gospodar)دېگەن سۆز ئالىيجاناب (Gospods) دېگەن سۆزدىن كەلگەن. 1852-يىلى مونتېنېگرونىڭ ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشكەن باشلىقى دانىلوⅡ (DaniloⅡ، 1826 — 1860) ئەجدادلىرىدىن تارتىپ قوشۇمچە ئۆتەپ كېلىۋاتقان دەھرىي ۋە دىنىي قوش ۋەزىپىنى ئايرىپ، ئۆزىنى گوسپودار (يەنى كرناگورا ۋە بوردا كىنەزى) دەپ ئاتىغان. ئۇ، كىنەزلىك ئۇنۋانىغا ئاتا جەمەت ۋارىس ۋارىسلىق قىلىدۇ، ئېپىسكوپلۇق ۋەزىپىسىنى ئاقسۆڭەك ئەزالار ئۈستىگە ئېلىشقا ئۆزگەرتىلىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن.

گوسپېل (بەخت خەۋىرى)

  • گوسپېل (بەخت خەۋىرى)[يەشمىسى:]تۆت گوسپېل دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خرىستىئانلارنىڭ كالامى «ئىنجىل» نىڭ بېشىدىكى تۆت پارىسى يەنى «ماتاي گوسپېلى»، «ماركوس گوسپېلى»، «لۇكاس گوسپېلى» ۋە «يوھان گوسپېلى» دىن ئىبارەت. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇلارنى خرىستىئان دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ساھابىلىرى ماتاي (Matthaios)، ماركوس (Markos)، لوكاس (Loukas) ۋە يوھان (Ioannes) لار ئايرىم-ئايرىم يازغانمىش. «بەخت خەۋىرى» ئەسلى گرېكچە euaggélion دىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى «خۇش خەۋەر» دېگەنلىك. ئۇ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقان ئىنسانلارغا «قۇتقۇزغۇچى خۇدا» — ئەيسانىڭ ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا كېلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشى كۆزدە تۇتۇلغان. مەزمۇنى ئاساسەن خرىستىئان دىنى رىۋايىتىدىكى ياراتقۇچى ئەيسا — خرىستوسنىڭ ھاياتىدىكى ئىش پائالىيەتلىرى (تەرجىمىھالى)، جۈملىدىن ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى، دىن تارقىتىشى، ئىنسانلارنىڭ ئورنىدا رىيازەت چېكىپ ئۆلتۈرۈلۈشى، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشى ۋە يەنە ئۇ ئالدىغا سەپەر قىلىشى قاتارلىق ئەپسانىۋى چۆچەكلەر ۋە ئۇنىڭ كىشىلەرگە چىداشلىق بېرىش-بويسۇنۇش ھەققىدىكى تەلىملىرىدىن ئىبارەت. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە بەخت خەۋىرىنىڭ كۆپىنچىسى باشقىلارنىڭ ساختا ئەسەرلىرى بولۇپ، كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىپ تۈزىتىلگەن. مىلادى Ⅱ ئەسىردىن باشلاپ، كەينى-كەينىدىن بېكىتىلگەن. تۆت گوسپېلنىڭ ئالدىنقى ئۈچىنىڭ مەزمۇنى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولغاچقا «ئوخشاش قاراشتىكى گوسپېل» (ئورتاق قاراشتىكى بەخت خەۋىرى ياكى تەكرارلانغان بەخت خەۋىرى) دەپ ئاتىلىپ، قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇنى ئوخشاش بولمىغان «يوھان گوسپېلى» دىن پەرقلەندۈرۈلگەن.

گوسې

  • گوسې[يەشمىسى:]1) ئاۋروبېندو گوسې (Aurobindo Ghose، 1872 — 1950) ھىندىستانلىق پەيلاسوپ، ئالىم، شائىر. كالكۇتتادا تۇغۇلغان. يەتتە يېشىدا ئەنگلىيىگە كۆچۈپ بارغان، كىمبرىج داشۆسى ئەنگلىيە خانلىق شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1893-يىلى ھىندىستانغا قايتقان، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھىندىستان بۇرژۇئا مىللىي ھەرىكىتىگە قاتناشقان، «سالام ۋەتەن» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللارنىڭ مۇھەرىرى بولغان، خەلق كونگرېسى پارتىيىسى رادىكال رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، بىر مەھەل قولغا ئېلىنغان. 1910-يىلدىن كېيىن پوندىچېرىدا «يوگاسارا نومى» نى ئۆگەنگەن ھەمدە «ئاۋروبېندو كۇتۇپخانىسى» نى تەسىس قىلىپ، يېزىقچىلىققا كىرىشكەن. ھىندىستاندىكى ۋېدانتا مەزھىپىنىڭ پەلسەپە نەزەرىيىلىرىنى ۋە غەربنىڭ ئىدېئالىستىك پەلسەپە قاراشلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، «بىر پۈتۈن ۋېدانتا» نەزەرىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان. ئۇ ھىندىستاندىكى سىياسىي ھەرىكەتنى ھىندى دىنىي ئاساسىغا قۇرماقچى بولۇپ، ھىندى دىنىنىڭ غايىسىنى ھىندىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ غايىسى دەپ تەرغىپ قىلغان. ئۇ 100 خىلدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ئاساسلىقى «مۇقەددەس ھايات»، «ئىنسانلارنىڭ دەۋر قىلىپ تۇرۇشى»، «ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى»، «ئەڭ ئاخىرقى شېئىر» ۋە «ئاۋروبىندوگوسې ئەسەرلىرى» (30 توم) قاتارلىقلار. (2) ئايوي كۇمارگوسې (Ajoy Kumar Ghosh، 1909 — 1962). ھىندىستان كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى. ياشلىق دەۋرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقان. كېيىن ھىندىستان كومپارتىيىسى ۋە خەلق كونگرېسى پارتىيىسىگە كىرگەن. ھىندىستان كومپارتىيىسى ئورگان ژۇرنىلى — «مىللىي سەپ» ھەپتىلىك ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، كومپارتىيە بىرلەشمە ئۆلكىلىك تەشكىلىي ھەيئىتى بولغان. 40-يىللاردا، ھىندىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي بۆلۈمى ۋە پەنجاپتا ھىندىستان كومپارتىيىسى ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1943-يىلى ھىندىستان كومپارتىيىسىنىڭ 1-قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1948-يىلى 3-ئايدا، ھىندىستان كومپارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 2-قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقى ۋە سىياسىي بيۇرو ئەزالىقىغا سايلانغان. 1951-يىلى 5-ئايدا مەركىزىي كومىتېت سېكرىتارلىقىغا سايلانغان.شۇ يىلى 10-ئايدا باش سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. 1955-يىلى 12-ئايدا، «خەلق كونگرېسى پارتىيىسىگە نىسبەتەن ھەم ئىتتىپاقلىشىش، ھەم كۈرەش قىلىش» ۋە «مىللىي دېموكراتىك سەپ قۇرۇش يېڭى فاڭجېنى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. 1959-يىلى 9-ئايدا جۇڭگونى زىيارەت قىلغان.

گوكالې

  • گوكالې[يەشمىسى:]Gopal Krishna Gokhale، 1866 — 1915) ھىندىستانلىق مىللەتپەرۋەر، خەلق كونگرېسى پارتىيىسىدىكى مۆتىدىللەرنىڭ رەھبىرى. ماراتادىكى براخمان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بومبايدىكى ئەرفونىستون شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن پۇنافىگىسىن شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان ھەمدە ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قاتنىشىشقا باشلىغان، 1902-يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. بومباي قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى (1899) ۋە ئىمپېرىيە قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ (1902) ئەزاسى بولغان.1905-يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1905-يىلىدىكى ئەنگلىيىگە قارشى كۈرەشتە، رادىكاللارنىڭ سىياسىي تەشەببۇسىغا قارشى تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي ئىسلاھات ئارقىلىق، ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى دائىرىسى ئىچىدە ھىندىستاننىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. شۇ يىلى ھىندىستان چاكارلار جەمئىيىتىنى تەسىس قىلغان. 1912 — 1915-يىللىرى ھىندىستان جامائەت پاراۋانلىقى مۇلازىمەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلغان، مائارىپنى تەكىتلىگەن، ئاددىي خەلقنى ۋە تۆۋەن تائىپىدىكىلەرنى خارلاشقا قارشى تۇرغان، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ھىندىلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان.

گوگول

  • گوگول[يەشمىسى:]Николай Васильевич Гоголь، 1809 — 1852) روسىيىلىك يازغۇچى. ئوكرائىنانىڭ پولتاۋا ئوبلاستىدىكى پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق چېغىدىلا تىياتىرغا قىزىققان. 1828-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پېتېربۇرگقا بېرىپ كىچىك خىزمەتچى بولۇپ، «ئاددىي كىشىلەر» نىڭ ئازاب-ئوقۇبىتىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن. 1831-يىلى «دىكانكاغا يېقىن يېزىدىكى كېچىلىك سۆھبەت» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى يېزىپ، ئوكرائىنانىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھەقىقىي تۈردە گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. 1834-يىلى كەسپىي يازغۇچى بولغان. 1835-يىلى «مىلگىراد» ناملىق پوۋېستلار توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، ھەجۋىي ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى باشلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە «كونا زامان پومېشچىكلىرى»، «ئىككى ئىۋاننىڭ ماجىراسى» دە پومېشچىكلارنىڭ چاكىنىلىقى ۋە چۈشكۈنلەشكەنلىكىنى تەسۋىرلىگەن؛ «تاراس بولبا» ناملىق ئەسىرىدە ⅩⅦ ئەسىردىكى ئوكرائىنا خەلقىنىڭ قەھرىمانانە كۈرەشلىرىنى مەدھىيىلىگەن. «پېتېربۇرگ ھەققىدە ھېكايە» ناملىق پوۋېستلار توپلىمىدا شەھەر تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەشكە ئۆتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە «نېۋا رەستىسى»، «سەۋدايى خاتىرىسى» ۋە «شىنىل» قاتارلىق پوۋېستلىرىدا كىچىك خىزمەتچىنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتلىرى ۋە ئۇنىڭ چار پادىشاھ تۈزۈمىگە بولغان قارشىلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «رىۋىزور» ناملىق كومېدىيىسى، «ئۆلۈك جانلار» ناملىق رومانىدا ئېنىق ھەجۋىي ئەدەبىي ئۇسلۇب بىلەن روسىيىدىكى يانچىلىق تۈزۈمنىڭ چىرىكلىكىنى پاش قىلىپ، نۇرغۇن كۆزگە كۆرۈنەرلىك تىپىك شەخسلەرنى ياراتقان. بۇ ئەسەر ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ. 1847-يىلى ئىككىنچى قېتىم چەت ئەلنى ساياھەت قىلىپ ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، سلاۋيانچىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، «دوستلار بىلەن يېزىشقان مەكتۇپلار» نى ئېلان قىلىپ، يانچىلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىشقا قارشى تۇرۇپ، بېلىنىسكىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى روسىيە تەنقىدىي رېئالىزملىق ئەدەبىيات تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەسەرلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان.

گوڭشەن مەدەنىيىتى

  • گوڭشەن مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]چاۋشيەننىڭ يېڭى تاش قورال دەۋرىدىكى بىر خىل مەدەنىيىتى. دەسلەپتە پىڭئەننەن ئۆلكىسى ۋىنچۈەن ۋىلايىتىدىكى پونشالى دېگەن جايىدىن دېڭىز ياقىسىغا ئىككى كىلومېتر كېلىدىغان شياۋگۇڭشەندە تېپىلغان. شۇڭا گۇڭشەن مەدەنىيىتى دېيىلگەن. 1950-يىلى ئۇنى قېزىشقا كىرىشكەن، بەزى تۇرار جاي خارابىلىرى تېپىلغان. ئۆيلەر يېرىم گەمە شەكىلدە سېلىنغان، ئۇل كۆپىنچە يۇمىلاق ۋە چاسا شەكىلدە بولغان. ئاھالىلەر كۆپ خىل ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئوۋ قىلىش، بېلىق تۇتۇش بىلەن بىللە ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغان، فارفور قاچىلار ۋە يىپ ئېگىرىشكە ئوخشاش ئىپتىدائىي قول سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى ئېلىپ بارغان. ئاساسەن تاش قوراللار ۋە ھايۋانلارنىڭ سۆڭەك، مۈڭگۈزلىرىدىن ياسالغان سايمانلارنى ئىشلەتكەن. تاش نەيزىنىڭ شەكلى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ياپىلاق، تەكشى، ئۆتكۈر بولغان. سېپىنىڭ ئىككى يان تەرىپىدە تېيىزرەك ئوقۇر بولۇپ، دەستىسى ئاسان چۈشۈپ كەتمەيدىغان بولغان.

گولدىشىمىدت

  • گولدىشىمىدت[يەشمىسى:]Victor Moritz Goldschmidt، 1888 — 1947) نورۋېگىيىلىك گېئوخىمىك ۋە كرىستال خىمىكى، گېئوخىمىيە ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى. شۋېتسارىيىدىكى سيۇرىختا تۇغۇلغان. نورۋېگىيىنىڭ كرىستىنايا (ھازىرقى ئوسلو) داشۆسىنى پۈتتۈرگەن ھەمدە گېرمانىيە، ئاۋسترىيىلەردە ئوقۇغان. 1914-يىلى پروفېسسور ۋە مىنېراللار تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1929— 1935-يىللىرى گېرمانىيىنىڭ گۇتتىنگېن داشۆسىدە ئىشلەپ، ناتسىستلار ھاكىمىيەتنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن نورۋېگىيىگە قايتقان. گېرمانىيە قوشۇنلىرى نورۋېگىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن مەزگىللەردە، جازا لاگېرىغا تاشلانغان. 1942-يىلى شۋېتسىيىگە قېچىپ كېتىپ، ئىككىنچى يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇرۇشتىن كېيىن دۆلىتىگە قايتقان. گولدىشىمىدتنىڭ «گېئولوگىك خىمىيە» قاتارلىق كىتابلىرى ۋە مېتامورفلىق جىنسىي تەسىرى، بىئو خىمىيە ھەققىدە يازغان تەخمىنەن 200 پارچە ئىلمىي ماقالىسى بار.

گولگ-ى

  • گولگ-ى[يەشمىسى:]Gamillo Golgi، 1844 — 1926) ئىتالىيىلىك ھىستولوگ، پاتالوگ. كورتېنۇ (Gorteno، ھازىرقى گولگى) دا تۇغۇلغان. 1865-يىلى پاۋىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن لومبوروسو قاتارلىق ئالىملار بىلەن بىللە ئىشلىگەن.1880-يىلى پاۋىيە داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. كۈمۈش نىترات ئۇسۇلى بىلەن مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدىكى بەزى ھۈجەيرىلەرنى نامايان قىلىشنى كەشپ قىلغان، ئۇ كېيىن «گولگى ھۈجەيرىسى» دەپ ئاتالغان. ئۇ يەنە بەزگەك پلازمودىيىسىنى تاپقان. 1906-يىلى ئىسپانىيىلىك يى. كاخار بىلەن نېرۋا ئاناتومىيىسىدىكى تۆھپىسى ئۈچۈن بىرلىكتە نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ «ئەسەرلەر توپلىمى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

گوللاندىيە ئىلمى

  • گوللاندىيە ئىلمى[يەشمىسى:]Rangaku) ياپونىيىگە ئېدو دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ گوللاندىيە كىتابلىرى ئارقىلىق كىرگەن غەرب ئىلمى. 1740-يىلى (گېمبۇننىڭ 5-يىلى) سىياگۇن توكۇگاۋا يوشىمۇننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئېدولۇق سودىگەر ئائوكى كونىيو (1698 — 1769) گوللاندىيە تىلىنى ئۆگەنگەن. گوللاندىيە تىلىدىكى ئاناتومىيە كىتابى ئائوكى كونيونىڭ شاگىرتلىرى مايېنو ريوتاكۇ(1723 — 1803)، سۇگىتاگېمپاكۇ (1733 — 1817) لارنىڭ تەجرىبىسى ئارقىلىق توغرىلىقى ئىسپاتلانغان. 1774-يىلى (ئانىيېينىڭ 3-يىلى) «بەدەن ئوپېراتسىيىسى توغرىسىدىكى يېڭى كىتاب» نامى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن مېدىتسىنا ئىلمىدىن ئاسترونومىيە، كالېندارشۇناسلىق، جۇغراپىيە، تەبىئەتشۇناسلىق، خىمىيە قاتارلىق پەنلەرگىچە كېڭىيىپ، ئىلگىرىكى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنغان غەرب كىتابلىرى ئارقىلىق ئېرىشىلگەن بىلىملەر يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. شىزۇكى تادائو (1760 — 1806) «رېكشوشىنشو» (رېكشو يېڭى كىتابى) دېگەن ئەسەرنى يېزىپ، نيۇتون مېخانىكىسىنى ۋە كوپېرنىكنىڭ يەر شارى ھەرىكىتى تالىماتىنى تونۇشتۇرغان. تاكاھاشى يوشتوكى (1764 — 1804) يېڭى ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى تەتبىقلاپ «كانسبى كالېندارى» نى تۈزۈپ چىققان. ئىنوتاداتاكا (1745 — 1818) غەربنىڭ ئۆلچەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ياپونىيىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىنى ئۆلچەپ چىققان. شوگونلۇقمۇ مەخسۇس ئورگان قۇرۇپ گوللاندىيە كىتابلىرىنى تەرجىمە قىلدۇرغان. ھىراگا گېننائى (1729 — 1779)، شىباكوكان (1738 — 1818) قاتارلىق كىشىلەر غەرب ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى بىلەن فېئوداللىق دەرىجە تۈزۈمىگە قارىتا تەنقىدىي پوزىتسىيىدە بولغان. 1783-يىلى (تيەنمىڭنىڭ 3-يىلى) ئوتسۇكى گېنناكۇ (1757 — 1827) «گوللاندىيە ئىلمىي باسقۇچلىرى» نى يازغان. 1796-يىلى ئىنامۇراسامپاكۇ (1758 — 1811) «پوليۇما يارىشىشى» ناملىق گوللاندىيىچە-ياپونچە لۇغەتنى نەشىر قىلغان. 1838-يىلى ئوگاتاكوئان (1810 — 1863) ئوساكادا مەكتەپ ئېچىپ گوللاندىيە ئىلمىنى ئۆگەتكەن. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئومۇراماسۇجىرۇ، فۇكۇزاۋايۇكىچى، ھاشىموتو سانائى قاتارلىقلار خېلى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. لېكىن شوگونلۇق دائىرىلىرى گوللاندىيە ئىلمىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا زەرەر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تەدرىجىي تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، پەقەت ئۆزلىرىگە كېرەكلىك بولغان غەرب ھەربىي تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش بىلەنلا چەكلەپ قويغان. دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىنگلىز، فرانسۇز تىللىرىنى ئاساس قىلغان غەرب ئىلمى بۇرۇنقى گوللاندىيە ئىلمىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن.

گوللىستراند

  • گوللىستراند[يەشمىسى:]Allvar Gullstrand، 1862 — 1930) شۋېتسىيىلىك كۆز كېسەللىكلىرى ئالىمى. گېئومېترىك-ئوپتىكا ئالىمى. ئوپسالا، ۋىنا، ستوكھولمدا ئوقۇغان، دوختۇر بولغان. 1894—1927-يىللىرى ئوپسالا داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئادەم كۆزىنىڭ نۇر سۇندۇرۇش ئىلمىغا مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، 1911-يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان، شۇنداقلا نۇرنىڭ چۈشۈشى نەزەرىيىسىنى راۋاجلاندۇرغان ھەمدە كۆز تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنى ياخشىلىغان. ئۇنىڭ «ئادەم كۆزىنىڭ نۇر سۇندۇرۇش ئىلمىنى تونۇشتۇرۇش» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

گولوۋىن

  • گولوۋىن[يەشمىسى:]Фēдор Алексеевич Головин، 1650 — 1706) روسىيە دېڭىز ئارمىيە مارشالى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى، دىپلوماتىك ئەمەلدارى. 1686-يىلى تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچى بولۇپ، جۇڭگو مەنچىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، نىۋچىنسىك شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ (1689)، جۇڭگو-روسىيىنىڭ شەرقىي چېگرىسىنى بەلگىلىگەن. پېتىر ئەلچىلەر ئۆمىكى بىلەن بىللە غەربىي ياۋروپاغا بارغان. 1699-يىلى دېڭىز ئارمىيىسى شتابىغا رىياسەتچىلىك قىلغان، ئىككىنچى يىلى تاشقى ئىشلار رەئىسى بولغان، دېڭىز ئارمىيە ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مۇنتىزىم قوشۇنىنى قۇرۇشقا ئاكتىپ تەييارلىق قىلغان. بالتىق دېڭىز پورتىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، شۋېتسىيىگە قارشى ھەربىي دىپلوماتىيە ئىتتىپاقىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، شىمال ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان.

گولىتسىن

  • گولىتسىن[يەشمىسى:]Михаил Михайлович Голицын، 1675 — 1730) روسىيە مارشالى. كىنەز. ئەسلىدە پيۇتىرⅠ گۋاردىيە قىسمىنىڭ بارابانچىسى. ئازوۋ ھەربىي يۈرۈشى ۋاقتىدا (1695 — 1696) ئۆز ئىقتىدارىنى كۆرسەتكەن. شىمال ئۇرۇشىدا گۋاردىيە قىسىملىرىغا قوماندانلىق قىلىپ، نوتېبورگ، پولتاۋا ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان ھەمدە فلوتقا قوماندانلىق قىلىپ، خانگۇت ۋە گىرېنگام دېڭىز ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. 1723—1728-يىللىرى ئوكرائىنادا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ قوماندانى بولغان. پيۇتىرⅡ تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئالىي كونتىسىل پالاتاسىنىڭ ۋەزىرى بولغان. ئىۋانوۋنا تەختكە چىققاندىن كېيىن خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

گومپېرىس

  • گومپېرىس[يەشمىسى:]Samuel Gompers، 1850 — 1924) ئامېرىكا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. ئەنگلىيىدىكى لوندوندا تۇغۇلغان. 1863-يىلى ئامېرىكىدىكى نيۇ-يورك شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن. ئىككىنچى يىلى نيۇ-يورك سىگار تاماكا ئىشچىلىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا قاتناشقان. 1881-يىلى «ئەمگەكچى رىتسارلار ئۇيۇشمىسى» قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ پىتتىسبۇرگدا «ئامېرىكا ۋە كانادا تەشكىللىك كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى» نى قۇرغان، 1886-يىلى ئۇنى ئۆزگەرتىپ «ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى» تەشكىل قىلىپ، تا ۋاپات بولغانغا قەدەر (1895-يىلى بۇنىڭ سىرتىدا) ئۇنىڭ رەئىسى بولغان. سىنىپىي ھەمكارلىقنى تەشەببۇس قىلغان، ئىقتىسادىي كۈرەشنى تەكىتلىگەن، نېگىر ئىشچىلارنى چەتكە قاققان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىش تاشلاشنى توسۇغان، ئۇرۇشنى ھىمايە قىلغان. 1917-يىلى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1919-يىلى پارىژ تىنچلىق يىغىنى ۋە خەلقئارا ئەمگەكچىلەر قانۇن تۈزۈش كومىتېتىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى «ئەمگەكچى ۋە ياللىغۇچى»، «تەرجىمىھال: 70 يىللىق ھايات ۋە ئەمگەك» قاتارلىقلار.

گومرۇك بېجى ئىتتىپاقى

  • گومرۇك بېجى ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]پرۇسسىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ ھەرقايسى شتاتلىرى تۈزۈپ چىققان چېگرا بېجى شەرتنامىسى. 1834-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان، دەسلىپىدە 400 نەچچە مىڭ كۋادرات كىلومېتر زېمىنىنى ۋە 23 مىليوندىن كۆپرەك ئاھالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 18 گېرمانىيە شتاتلىرىدا پرۇسسىيە رەھبەرلىك قىلغۇچى ئورۇندا تۇرغان. كېيىن بادېن ھاننوۋېر قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن ئۇنىڭغا قاتناشقان. ئەزا دۆلەتلەر چېگرا بېجى توسۇقلىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن چېگرا بېجىنى بەلگىلەپ چىقىپ، ئىقتىساد ۋە سودا رايونلىرىنى كېڭەيتىپ، گېرمانىيە چېگرىسى ئىچىدە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بازارلارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە سودا-سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى تېزلەتكەن. ئاۋسترىيە گېرمانىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى رەھبەرلىكىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، ئىتتىپاقنى تارقىتىۋېتىپ، پرۇسسىيە ئىگىلىكىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تۆۋەنلەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. 1867-يىلى شىمالىي گېرمانىيە فېدېراتسىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن چېگرا بېجى ئىتتىپاقىغا قاتناشمىغان غەربىي ۋە جەنۇبىي گېرمانىيە فېدېراتسىيىلىرى بىلەن چېگرا بېجى شەرتنامىسى ئىمزالاپ، بۇ گېرمانىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتە بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1871-يىلى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن تارقىلىپ كەتكەن.

گومېر

  • گومېر[يەشمىسى:]Homeros ياكى Homerus، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ — Ⅸ ئەسىر) قەدىمكى يۇنان شائىرى، ھەممىلا يەردە يۈرۈپ ناخشا ئوقۇيدىغان ئەما ناخشىچى. كىچىك ئاسىيادا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ تارىخىي داستانى «ئىليادا» ۋە «ئودېسسا» ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ ئېيتىلىپ يۈرگەن، ئۇنىڭدا دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى يۇنان ئاركادىئانلىرىنىڭ تروياغا يۈرۈش قىلىشىغا ئائىت ۋەقەلەر بايان قىلىنغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ — Ⅺ ئەسىرلەردىكى ئۇرۇقداش قەبىلىلەرنىڭ پارچىلىنىش دەۋرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، شۇڭا بۇ دەۋر ئادەتتە «گومېر دەۋرى» دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرلەردە گومېر ياشىغان يىللار، ئۇنىڭ تۇغۇلغان يېرى ۋە ئەسەرلىرى گۇمانلىق بولۇپ قالغان. كېيىن ئۇزاق تالاش-تارتىش قىلىش ئارقىسىدا، ياۋروپا ئەدەبىيات تارىخىدىكى «گومېر مەسىلىسى» شەكىللەنگەن. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ۋە سىزىقلىق يېزىق B نى يېشىپ ئوقۇش مۇۋەپپەقىيىتى ئارقىسىدا، يەنە بەزىلەر گومېرنىڭ تارىخىي داستانىنىڭ يۇناننىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىكى تارىخى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىۋاتىدۇ.

گومېر داستانى

  • گومېر داستانى[يەشمىسى:] بۇ «ئىليادا» بىلەن «ئودېس-سا» (Odysseia ياكى Odyssey) دىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ھەربىرى 24 توم(باب). رىۋايەت قىلىنىشىچە ئۇنى قەدىمكى يۇنان ئىئونىيە (كىچىك ئاسىيانىڭ غەربى) دىكى ئەما شائىر گومېر (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ — Ⅸ ئەسىرلەر) يازغانىكەن. «ئىليادا» دا ئاساسەن «ترويا ئۇرۇشى» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلىدىكى ۋەقە تەسۋىرلەنگەن، يۇنانلىق باتۇر ئاكىللېسنىڭ قوماندان ئاگامېمنون بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ («ئاكىللېسنىڭ غەزىپى») جەڭ مەيدانىدىن قايتىپ كەتكەنلىكىدىن باشلىنىپ، گرېكلارنىڭ ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالغانلىقى، ئاكىللېسنىڭ كېيىن يەنە جەڭگە كىرىپ، ترويا باتۇرى ھېكتورنى ئۆلتۈرگەنلىكى، ترويالىقلارنىڭ ھېكتور ئۈچۈن ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنلىكى بىلەن ئاياغلاشقان. ترويا شەھىرى ئىلىئۇم (Ilium) دەپمۇ ئاتالغان، «ئىليادا» نىڭ مەنىسى «ئىلىئۇم ئۇرۇش خاتىرىسى» دېگەنلىك بولىدۇ. «ئودېسسا» دا ئاساسەن گرېكلار تروياغا يۈرۈش قىلىپ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئارمىيىدىكى «ئەقىل كۆرسەتكۈچى» ئودىسسىئۇس دېڭىزدىن ئۆتۈپ يۇرتى ئىتاكېغا قايتىش سەپىرىدە نۇرغۇن خېيىم-خەتەر ۋە ئاجايىپ ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىرى تىلەمچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، خوتۇنى پېنېلوپىگە ئۆيلىنىش تەلىپىنى قويغانلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يېڭىباشتىن جەم بولغانلىق ۋەقەسى تەسۋىرلەنگەن. بۇ ئىككى داستاندا ئاساسەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ — Ⅺ ئەسىرلەر ئارىلىقىدىكى گرېكلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ شۇ مەزگىللەردىكى تارىخنى تەتقىق قىلىشتىكى ئاساسىي ھۈججەت-ماتېرىيال (شۇڭا بۇ باسقۇچ «گومېر دەۋرى» دەپ ئاتالغان). شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ ئۇنىڭدىن بىرنەچچە ئەسىر بۇرۇنقى مېكىناي دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي تۈزۈمگىمۇ بېرىپ تاقىلىدۇ. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا گېرمانىيە كلاسسىك پەيلاسوپى ۋولف (Friedrich August Wolf، 1759 — 1824) قاتارلىقلار گومېرنىڭ ئىجادىيىتى ئۈستىدە گۇمان قىلغاندىن كېيىن، «گومېر مەسىلىسى» پەيدا بولغان. بۈگۈنكى كۈندىكى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر داستاننىڭ ماتېرىيالى خەلق ئارىسىدىكى تۈرلۈك رىۋايەتلەر ۋە مېكىناي دەۋرىدىكى ھېكايىلەردىن كەلگەن. لېكىن داستاننىڭ بەدىئىي بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشىدىن قارىغاندا، ئۇنى بىرەر شائىر (ياكى گومېر) رەتلەپ چىققان. شائىر ياكى سەنئەتكارلارنىڭ ئېغىزدىن-ئېغىزغا ئېيتىپ يۈرۈشى ئارقىسىدا، پەيدىنپەي مۇقىملىشىپ، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىردە (پېستراتوس ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە) ئافىنادا يېزىق تۈسىنى ئالغان، دېگەن قاراشقا مايىل. داستاننىڭ بۈگۈنكى كۈندە تارقىلىپ يۈرگەن نۇسخىسىنى ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىسكەندەرىيە ھۈججەتشۇناسى ئارىستاركوس (مىلادىدىن ئىلگىرىⅡ ئەسىر) تەكشۈرۈپ بېكىتكەن.

گومېر دەۋرى

  • گومېر دەۋرى[يەشمىسى:]«قەھرىمانلىق دەۋرى» گە قاراڭ.

گومېز

  • گومېز[يەشمىسى:]1) ماكسىم گو-مېز (Maximo Gomez، 1836 — 1905) كۇبا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى. ھازىرقى دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدە تۇغۇلۇپ، شۇ يەردىكى 1861 — 1865-يىللاردىكى ئازادلىق ئۇرۇشىغا ئاكتىپ قاتناشقان. كېيىن كۇباغا قېچىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان. كۇبادىكى ئون يىللىق ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن قوزغىلاڭچى قوشۇنغا قاتنىشىپ، كۆپ قېتىملىق ئۇرۇشلاردا خىزمەت كۆرسەتكەن. 1877-يىلى ئەركىن كۇبا ھۆكۈمىتىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، داۋاملىق ئىنقىلابىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1892-يىلى، كۇبا ئىنقىلابىي پارتىيىسى تەرىپىدىن كۇبا ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1895-يىلى 3-ئايدا دومېنىكا ۋە مارتى بىلەن بىرلىشىپ «مېنتان كىرىستى خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، خەلقنى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا چاقىرغان. 4-ئايدا مارتى بىلەن قوشۇن باشلاپ كۇبانىڭ شەرقىي قىرغىقىدا قۇرۇقلۇققا چىققان. 9-ئايدا كۇبا مۇستەقىللىك جاكارلىغاندىن كېيىن ئىنقىلابىي ئارمىيىنىڭ قوماندانى بولغان. مارتى ئۆلگەندىن كېيىن ماتسيئو بىلەن بىرلىكتە 10-ئايدا «توساتتىن بېسىپ كىرىش ئۇرۇشى» قوزغاپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى (1898-يىل) دىن كېيىن، ئىنقىلابىي ئارمىيىنى تارقىتىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كۇبانى ئىشغال قىلىۋېلىشىغا مۇرەسسەچىلىك پوزىتسىيە تۇتقان. 1899-يىلى پارلامېنت تەرىپىدىن خىزمەتتىن قالدۇرۇلغان. (2) جۇئان. ۋىكېنىتى. گومېز (Juan vicente Gomez، 1864 — 1935). ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭى(1908— 1915،1922 — 1929، 1931 — 1935) ئىندىئان-ياۋروپا مېتىس نەسلىدىكى ئائىلىدە تۇغۇلغان. پادىچى بولغان. «ئاندېس تاغلىقلىرى» پارتىزانلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ ئىچكى ئۇرۇش قىلىشقا تايىنىپ تەختكە چىققان. 1899-يىلى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1908-يىلدىن باشلاپ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى كونترول قىلىپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن ھۆكۈمەتنى بەرپا قىلغان. چەت ئەل مەبلىغىنى ئارىيەتكە ئېلىپ نېفىت قېزىشنى يولغا قويغان. 1914-يىلقى ئاساسىي قانۇننى تۈزگەن. ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىدىكى «گۈللەندۈرۈش» پارتىيىسىنى قۇرۇپ، بارلىق ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ، تېررور ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويغان.

گۇناھتىن ساقىت قىلىش تۇمارى

  • گۇناھتىن ساقىت قىلىش تۇمارى[يەشمىسى:] لاتىنچە «indulgentia» ئىندۇلگېنتىيە يەنى «ئەپۇ قىلىش» دىن كېلىپ چىققان. رىم پاپاسى باستۇرغان بىر خىل گۇناھتىن ساقىت قىلىش تۇمارى. كاتولىك چېركاۋى مۇرىتلىرى بۇ خىل تۇمارنى سېتىۋالسا، گۇناھىدىن ساقىت بولۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن دوزاخ ئازابىغا ئۇچرىمايدۇ، دەپ جاكارلىغان. گۇناھتىن ساقىت قىلىش تۇمارىنىڭ باھاسى، شۇ كىشى ئۆتكۈزگەن گۇناھلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن بېكىتىلگەن. Ⅻ ئەسىردىن باشلاپ، پاپا ۋە چېركاۋ گۇناھتىن ساقىت قىلىش تۇمارىنى كۆپلەپ بېسىپ ۋە سېتىپ، ناھايىتى كۆپ بايلىققا ئىگە بولغان، شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ئىلغار قاتلاملارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

گونجا شەرتنامىسى

  • گونجا شەرتنامىسى[يەشمىسى:] روسىيە بىلەن ئىراننىڭ ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى. 1730 — 1736-يىللىرىدىكى ئىران-تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، روسىيە بىلەن تۈركىيىمۇ ئۇرۇش ھالىتىدە تۇراتتى. 1735-يىلى 3-ئايدا روسىيە بىلەن ئىران گونجا (Gyanja ھازىرقى ئەزەربەيجاننىڭ كىروۋ ئاباد شەھىرى) دا ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى تۈزگەن. شەرتنامىدە، روسىيە پېتېرⅠ دەۋرىدە ئىگىلىۋالغان باكۇ، دەربەنت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئىرانغا قايتۇرۇپ بېرىش، لېكىن ئىران بۇ رايونلارنى باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرمەسلىك؛ ئىران بىلەن روسىيە مەڭگۈ ئىتتىپاق ئۆتۈش ھەمدە تۈركىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا كېلىشىۋالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش بەلگىلەنگەن.

گونچاروۋ

  • گونچاروۋ[يەشمىسى:]Иван Александрович Гончаров، 1812 — 1891) روسىيىلىك يازغۇچى. سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1834-يىلى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇزاققىچە چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىدە خىزمەت قىلغان. يەر شارىنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلغان. 1835-يىلى ئەدەبىيات پائالىيىتىنى باشلىغان. 1847-يىلى «خاسىيەتلىك ۋەقە» دېگەن رومانىنى ئېلان قىلىپ، بىر ئاقسۆڭەك ياشنىڭ ئىدىيىۋى ئۆزگىرىشىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى روسىيە جەمئىيىتىنىڭ فېئودال يانچىلىق تۈزۈمىدىن كاپىتالىزمغا ئۆتۈشتەك جىددىي ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، 1859-يىلى ۋەكىللىك ئەسىرى — «ئابراموۋ» دېگەن رومانىنى يېزىپ، يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ گۇمران بولۇشىنىڭ ھارپىسىدىكى گالۋاڭ، ئېزلەڭگۈ، بىكار تەلەپ پومېشچىكلار سىنىپى پارازىتلىرىنىڭ تىپىنى ياراتقان. يانچىلىق تۈزۈمى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئىدىيىسى بارغانسېرى كونسېرۋاتىپلىشىپ، 1869-يىلى «تىك يار» دېگەن ھېكايىسىنى ئېلان قىلىپ، ئىلغار جامائەت پىكرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. يەنە «باردا ناملىق ئۇرۇش پاراخوتى» دېگەن ساياھەت خاتىرىسىنى يازغان.

گونزالېس پرادا

  • گونزالېس پرادا[يەشمىسى:]Manuel Gonzalez Prada، 1848 — 1918) پېرۇلۇق يازغۇچى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كېيىن ۋارىسلىق ھوقۇقى ئېلىپ تاشلانغان. ئائىلە ئەھۋالىنىڭ مەجبۇرىيىتى بىلەن، ئىلاھىيەت مەكتىپىگە كىرىپ، كېيىن يېرىم يولدا توختىتىپ قويغان. چېركاۋنىڭ زوراۋانلىقىغا كەسكىن قارشى تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. ھۆكۈمەتسىزلىك ھەرىكىتىگە ھېسداشلىق قىلغان. 1886-يىلى لىما ئەدەبىيات جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. 1912-يىلى لىما دۆلەتلىك كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى بولغان. 1914-يىلى ئىستېپا بەرگەن.«ھۈرلۈك ھەققىدە ماقالىلەر»، «جەڭ پەيتى»، «تەشۋىقات ۋە ھۇجۇم» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار، بۇلاردا ئىندىئانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ ھۆكۈمەت، ئاقسۆڭەك ۋە چېركاۋلارنى قاتتىق سۆككەن، شېئىرلار توپلىمىدىن «مويسىپىتلار جەمئىيىتىدىكى ئايال تەربىيىچى دوستلار»، «پېرۇ خەلق قوشاقلىرى» قاتارلىقلار بار.

گونزالېس مارتىنېس

  • گونزالېس مارتىنېس[يەشمىسى:]Enrique Gonzalez Martinez، 1871 — 1952) مېكسىكىلىق شائىر. يېزىدا 17 يىل تىبابەتچىلىك قىلغان. 1911-يىلى مېكسىكا ئىنقىلابىي مەزگىلىدە، سىياسىي ساھەگە قەدەم قويغان. ئارگېنتىنا، چىلى ۋە ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. (1920 — 1931). ياش ۋاقتىدا مۇدېرنىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، كېيىنكى مەزگىللەردە مىستىتىزملىققا ئۆتۈپ كەتكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «مۇقەددىمە»، «يوشۇرۇن چىغىر يول»، «ئاققۇنىڭ ئۆلۈمى»، «ئوت دېڭىزى»، «بابېر»، «خاتىرجەم ساراڭ» ۋە «يېڭى نارشېسو» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى بار.

گونسالۋېس دىياس

  • گونسالۋېس دىياس[يەشمىسى:]Antonio Goncalves Dias، 1823 — 1864) برازىلىيىلىك شائىر. دراماتورگ. برازىلىيىنىڭ مارانىئو (Maranhao) دا تۇغۇلغان. ئىندىئان، نېگىر ۋە پورتۇگاللارنىڭ قېنىدىن بولغان دەپ ئاتالغان. پورتۇگالىيىدىكى كوئىمبرا (Goimbra) ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئۆگەنگەن. 1845-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ رىيئۇدې-ژانېيرودىكى پېدروⅡ ئىنستىتۇتىنىڭ لاتىن تىلى ۋە تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولغان، كېيىن كېمە سۇغا چۆكۈپ كېتىپ قازاغا ئۇچرىغان. ئۇنىڭ «تاميۇلار ناخشىسى»، «ئايال قۇل»، «موناخ ئانىتاننىڭ ئالتە مىسرالىق شېئىرى» ناملىق ئەسەرلىرىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىندىئانلار، نېگىرلار، پورتۇگاللارنى باش قەھرىمان قىلغان. برازىلىيە رومانتىزم ئېقىمىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرىدىن: «تىمبىرالار» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «ناخشىلار توپلىمى»، «لېئونول-دېمىندوسا» ناملىق درامىسى قاتارلىقلار بار.

گۇيسې جەمەتى

  • گۇيسې جەمەتى[يەشمىسى:]ⅩⅥ ئەسىردىن ⅩⅦ ئەسىرگىچە فرانسىيىدە ئۆتكەن بىر فېئودال جەمەت. لوررائىنې (Lorraine) جەمەتىنىڭ بىر تارمىقى. فرانسىيە كورۇلى فرانتسىسⅡ (FrancoisⅡ) تەختتىكى ۋاقتىدا (1559 — 1560) روناق تاپقان. خۇگۇينۇت ئۇرۇشى مەزگىلىدە كاتولىك دىنىدىكىلەرنىڭ باشلىقى بولغان. رىسېلىيو ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن (1624 — 1642) خارابلىشىشقا باشلىغان. ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن: كلائۇدې گۇيىسې (Claude de Lorraine Guise،1496—1550)، فرانتىس گۇيسې ۋە ھىنرى گۇيسې قاتارلىقلار بار.

گۇئارانىلار

  • گۇئارانىلار[يەشمىسى:]Guaranies) جەنۇبىي ئامېرىكا تۇپى-گۇئارانى تىللىرى سىستېمىسىدىكى ئىندىئانلار. برازىلىيىنىڭ غەربى، ئورۇگۋاينىڭ شىمالى، ئارگېنتىنانىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىملىرىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، شۇنىڭدەك پاراگۋاينىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان. ⅩⅥ ئەسىردە پاترىئارخاللىق كوممۇنىسى باسقۇچىدا بولۇپ، ئاقساقاللار ھۆكۈمرانلىق قىلغان. كاۋا، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىغان، ئوۋچىلىق ۋە ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىش بىلەن شۇغۇللانغان، قولۋاق ياساشقا ئۇستا. ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ئەيسا جەمئىيەتلىرى گۇئارانىلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا دىنىي رايونلارنى قۇرۇپ، دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغان. گۇئارانىلارنىڭ ناخشا-ئۇسۇللىرى، ئەپسانىلىرى جەنۇبىي ئامېرىكا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولۇپ، پاراگۋاينىڭ ھازىرقى زامان خەلق مۇزىكىسىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. گۇئارانى تىلى پاراگۋايدا ھازىرمۇ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا.

گۇئاياكىل ئۇچرىشىشى

  • گۇئاياكىل ئۇچرىشىشى[يەشمىسى:] جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئىسپانىيە مۇستەملىكىلىرى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ ئىككى داھىيسى بولىۋار بىلەن سان مارتىننىڭ ئېكۋادورنىڭ گۇئاياكىل شەھىرىدىكى كۆرۈشۈشى. 1822-يىل 7-ئاينىڭ 26 — 27-كۈنلىرى بۇ ئىككى رەھبەر مۇستەقىللىك ئۇرۇشى ۋە كەلگۈسىدىكى ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ سىياسىي مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. لېكىن پىكىر ئىختىلاپى بولغان. پەرەز قىلىنىشىچە، سان مارتىن بولىۋارنىڭ گۇئاياكىلنى كولومبىيىگە قوشۇۋېلىشىدىن ئىبارەت ئەمەلىي پاكىتنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ،لېكىن كولومبىيە ئارمىيىسىدىن پېرۇنى ئازاد قىلىشقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلمىغان. ئۇ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى كەلگۈسى پېرۇغا باب كەلمەيدۇ دەپ قاراپ، ياۋروپانىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق مۇنارخىيىلىك تۈزۈمىنى كۆچۈرۈپ كېلىشنى ھەدەپ تەشەببۇس قىلغان. بولىۋار بۇ پلانلار رېئال ئەمەس دەپ قاراپ، ئىنكار قىلغان. ئۇچرىشىشتىن كېيىن سان مارتىن جىمجىتلا لىماغا يېنىپ كەلگەن. ئىككى ئايدىن كېيىن ئۇ پېرو ھۆكۈمەت باشلىقلىقىدىن ئىستېپا بېرىپ، چىلىغا دەم ئېلىشقا كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ھەربىي جەڭچىلىك ۋەزىپىسىنى تاماملىغانلىقىنى جاكارلىغان. 1824-يىلى ياۋروپاغا كەتكەن. گۇئاياكىل ئۇچرىشىشى لاتىن ئامېرىكىسى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى بىر تالاش-تارتىشلىق تېما ھېسابلىنىدۇ.

گۇبكىن

  • گۇبكىن[يەشمىسى:]Иван Михайлович Губкин، 1871 — 1939). سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى گېئولوگىيە ئالىمى. كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1910-يىلى پېتروگراد كانچىلىق ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1921-يىلى بولشېۋېكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى، ئۇزۇن مۇددەت گېئولوگىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. سوۋېت ھاكىمىيىتى دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېئولوگىيە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ موسكۋا كان ئىنستىتۇتى، نېفىت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. نېفىتنىڭ شەكىللىنىش نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلغان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا رايونىدىكى نېفىتلىكنى تاپقان. «نېفىتچىلىك ئىلمى توغرىسىدا» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

گۇپتا سۇلالىسى

  • گۇپتا سۇلالىسى[يەشمىسى:]Gupta) قەدىمكى ھىندىستاندا قۇرۇلغان ماگاپخا دۆلىتىنىڭ تۇنجى فېئوداللىق سۇلالىسى. تەخمىنەن مىلادى 320-يىلى چاندىرا گۇپتاⅠ قۇرغان. پايتەختى پاتالىپۇترا (ھازىرقى پاتېنا). سامۇدرا گۇپتا تەختكە ئولتۇرغاندا (تەخمىنەن 330 — 380) كەڭ كۆلەملىك كېڭەيمىچىلىك يۈرگۈزۈپ، شەرقتە براخما پۇترا دەرياسىدىن غەربتە ھىندى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغىچە بولغان كەڭ رايوندا بۈيۈك ئىمپېرىيە قۇرغان. چاندىرا گۇپتاⅡ زامانىسىدا (تەخمىنەن مىلادى 380 — 413) تازا روناق تاپقان، سىياسىي جەھەتتە مۇقىم بولغان، ئىقتىسادىي گۈللىنىپ، مەدەنىيىتى تەرەققىي تاپقان. 405-يىلى جۇڭگونىڭ شەرقىي جىن سۇلالىسىدە ئۆتكەن راھىب فاشيەن مەزكۇر جاينى زىيارەت قىلغاندا ماگاپخا دۆلىتىدە «پۇقرالار خۇشال-خۇرام ياشايدىكەن، باجگىر ئەمەلدارلىرى يوق ئىكەن» دەپ يازغان. كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە ئىمپېرىيە زاۋاللىققا يۈز تۇتقان. Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئىفتالىتلار داۋاملىق تۈردە تاجاۋۇز قىلىپ تۇرغانلىقتىن مەركىزىي ھاكىمىيەت ئاجىزلاپ، ئىچكى قىسىمدا بۆلۈنۈش پەيدا بولغان، زېمىنى كۈندىن-كۈنگە تارىيىپ، ماگاپتا، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە سۇلالە ئاجىزلاپ كەتكەن. گۇپتا سۇلالىسى مەزگىلىدە ھىندىستاننىڭ قۇللۇق تۈزۈمى يىمىرىلىشكە يۈزلىنىپ، فېئوداللىق مۇناسىۋەت شەكىللىنىشكە باشلىغان. مەدەنىيىتى تەرەققىي تاپقان، سانسكرىت ئەدەبىياتى، رەسساملىق، ھەيكەلتىراشلىق ۋە بىناكارلىق سەنئىتى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.

گۇچكوۋ

  • گۇچكوۋ[يەشمىسى:]Александр Иванович Гучков، 1862 — 1936) روسىيە دۆلەت دوماسنىڭ رەئىسى (1910 — 1911). چوڭ كاپىتالىست ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆكتەبرستلەرنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەھبىرى. ئۈچىنچى نۆۋەتلىك دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي سانائەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى (1915 — 1917) بولغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، بىرىنچى نۆۋەتلىك ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇقلۇق-دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرى بولغان، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى «ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش» نى تەرغىپ قىلغان؛ 4-ئايدىكى نامايىشتىن كېيىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن «روسىيە ئىقتىسادىنى قايتا گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتى» قۇرۇپ، خىراجەت توپلاپ، كورنىلوۋ توپىلىڭىنى پىلانلاشقا قاتناشقان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن بېرلىنغا قېچىپ بېرىپ، سوۋېت ھاكىمىيىتى بىلەن داۋاملىق قارشىلاشقان.

گۇدېرىئان

  • گۇدېرىئان[يەشمىسى:]Heinz Guderian، 1888 — 1954) فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ گېنېرالى. 1914-يىلى بېرلىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاتلىق ئەسكەرلەر قىسمىدا خىزمەت قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىدە داۋاملىق قېپقالغان. 1935-يىلى بۇيرۇققا بىنائەن تانكا قىسىملىرىنى قۇرۇپ، ئىككىنچى تانكا دىۋىزىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1938-يىلى گېنېرال لېيتېنانتلىققا ئۆستۈرۈلۈپ، 16-ئارمىيىنىڭ باشلىقى بولغان. قول ئاستىدا ئۈچ تانكا دىۋىزىيىسى بولغان. 1939-يىلى «دىققەت! تانكا!» دېگەن كىتابىنى ئېلان قىلىپ، تانكىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم قىلىدىغان «چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇش» نى تەرغىپ قىلغان. 1940-يىلى 19-تانكا قىسمىنىڭ باشلىقى بولۇپ فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلغان، كېيىن گېنېرال پولكوۋنىكلىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1941-يىلى ئىككىنچى تانكا جىتۇەنجۈنىنىڭ قوماندانى بولۇپ، گېرمانىيىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلغۇچى ئاساسلىق كۈچى بولغان، 1941-يىلى 2-ئايدا موسكۋا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن گىتلېر تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 1943-يىلى 3-ئايدا تانكا قىسىملىرىنىڭ باش نازارەتچىسى بولغان. 1944-يىلى 7-ئايدا قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. 1945-يىلى 3-ئايدا شەرقىي لىنىيىدە مەغلۇپ بولغانلىقتىن يەنە بىر قېتىم ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. كېيىن ئامېرىكا قوشۇنلىرىغا ئەسىرگە چۈشۈپ قويۇپ بېرىلگەن. «چاقماقتەك زەربە بېرىش قەھرىمانى» ناملىق ئەسىرى بار.

گۇزەييۇ

  • گۇزەييۇ[يەشمىسى:]چاۋشيەننىڭ رېنچېن ۋەتەن ئۇرۇشىدىكى چىڭشاڭ رايونىدىكى ھەققانىيەتچى قوشۇننىڭ ئاتامانى. 1592-يىلى (شۈەنزونىڭ 25-يىلى) 4-ئايدا چىڭشاڭ رايونىدىكى يىنىڭدا ھەققانىيەتچى قوشۇن ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇھىم قاتناش رايون بولغان دىڭجىنگە ھۇجۇم قىلغان ياپونىيە ئەسكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلغان ھەمدە ئۇنى بازا قىلىپ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغان. دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى بىرنەچچە قېتىم يەڭگەن. يىنىڭ، شەنجيا، شيەنچۈەندىكى دۈشمەنلەرنى كەينى-كەينىدىن يوقاتقان ھەم ئۇ يەرلەرنى قايتۇرۇۋالغان. شۇنداقلا لىڭشەن، چاڭيۈەن، شۈەنفېڭدىكى دۈشمەنلەرگە زەربە بېرىپ، ئۇلارنى شاڭجۇ ئەتراپىغا چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئارقا تەمىنات يولىنى ئۈزۈپ تاشلىغان. جەڭدە قىزىل پەرىجە كىيىپ، دۈشمەن سېپىگە ئات چاپتۇرۇپ بېسىپ كىرگەن، ياپون ئەسكەرلىرى ئۇنى «قىزىل پەرىجىلىك سىياگۇن» دەپ ئاتاشقان.

گۇستاۋⅡ

  • گۇستاۋⅡ[يەشمىسى:] يەنى «گۇستاۋ ئادولف».

گۇستاۋⅢ

  • گۇستاۋⅢ[يەشمىسى:]GustavⅢ، 1746 — 1792) شۋېتسىيە كورۇلى (1771— 1792). 1771-يىلى ئاتىسى، كورۇل ئادولف فرېدرىخ (Adolf Fredrik) ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، فرانسىيىدىن شۋېتسىيىگە قايتىپ كېلىپ تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. شۇ ۋاقىتلاردا «شىلەپىچىلەر» بىلەن «شەپكىچىلەر» ھوقۇق تالىشىۋاتقان بولۇپ، 1772-يىل 8-ئاينىڭ 19-كۈنىگە كەلگەندە، فرانسىيە ۋە ئۆز دۆلىتىدىكى ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، كورۇلى تولۇق ھوقۇقلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى تۇرغۇزۇپ، شۋېتسىيە تارىخىدىكى ئەركىن دەۋر (1718 — 1772) گە خاتىمە بەرگەن. بەزىبىر ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، نەتىجىسى بولمىغان. 1778-يىلىدىن كېيىن ئىستىبداتلىق قىلغان، مالىيە قىيىنچىلىقى يۈز بېرىپ، ئۆكتىچىلەر باش كۆتۈرگەن. مەملىكەت ئىچىدىكى خەلقنىڭ دىققەت-نەزەرىنى بۇراش ئۈچۈن، 1788-يىلى روسىيىگە قارىتا ئۇرۇش قوزغىغان. ئىككىنچى يىلى قوشۇن ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەر — ئەنيالان ئىتتىپاقىنى باستۇرغان. 1790-يىلى روسىيە بىلەن «ۋېرېل سۈلھ» نى ئىمزالىغان. فرانسىيە زور ئىنقىلابىغا دۈشمەنلىك بىلەن قاراپ، فرانسىيىگە قارشى جازا يۈرۈشىنى پىلانلىغان. كېيىن مەخپىي ئۆلتۈرۈلگەن.

گۇستاۋⅣ

  • گۇستاۋⅣ[يەشمىسى:]GustavⅣ، 1778 — 1837) شۋېتسىيە كورۇلى (1796 — 1809). 1792-يىلى ئاتىسى گۇستاۋ Ⅲ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تاغىسى كىنەز چارلېس ھوقۇقنى ئىگىلىگەن. 18 ياشقا توشۇپ تەختكە رەسمىي ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن. (1805 — 1807) ھەمدە چوڭ قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىشقا قاتنىشىشنى رەت قىلغان. مەملىكەت ئىچىدە ئېنىسكىفتې تۈزۈمىنى قوللانغان ھەمدە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى يۈرگۈزگەن. سىرتقا قارىتا فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش (1805 — 1807) ۋە روسىيىگە قارشى ئۇرۇش (1808 — 1809) قىلىپ، كۆپ قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، شۋېتسىيىنىڭ فىنلاندىيە ھەمدە بالتىق دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى زېمىنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويغان. 1809-يىل 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە قولغا ئېلىنىپ، پادىشاھلىق ئورنى تارتىۋېلىنغان ھەم دۆلەت چېگرىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گېرمانىيە ۋە شۋېتسارىيىلەردە مۇھاجىر بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ «پولكوۋنىك گۇستاۋ ئەسلىمىلىرى» ناملىق ئەسىرى بار.

گۇستاۋⅤ

  • گۇستاۋⅤ[يەشمىسى:]GustavⅤ، 1858 — 1950) شۋېتسىيە كورۇلى (1907 — 1950). ئوسكارⅡ (OscarⅡ) نىڭ ئوغلى. ياش ۋاقتىدا ئوپسالا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1884 — 1891-يىللىرى ئاتىسىغا ۋەكالىتەن نورۋېگىيىدە تۇرغان. 1892-يىلى گېنېرال لېيتنانت بولغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللىرىدە ئىدىيىسى مۇتەئەسسىپ بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەتكىچە پارلامېنت تۈزۈمىگە كۈچىنىڭ بارىچە قارشى تۇرغان. 1917-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىتەرەپلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. 1914-يىلى 12-ئايدىكى مالمىيودا ئېچىلغان شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرى كورۇللىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ، شىمالىي ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرلىكتە بىتەرەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئۈچ يىلدىن كېيىن يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. 1939-يىلىدىكى سوۋېت-فىنلاندىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە فىنلاندىيىگە ياردەم قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۋېتسىيىنىڭ بىۋاسىتە ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىتەرەپلىكنى قايتا جاكارلىغان، ئەمما فاشىست گېرمانىيىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن.

گۇستاۋ ئادولف

  • گۇستاۋ ئادولف[يەشمىسى:]GustavⅡ Adolf، 1594 — 1632) شۋېتسىيە كورۇلى (1611 — 1632). ياش ۋاقتىدا ياخشى تەربىيە ئالغان، ئاتىسىغا ئەگىشىپ يىراق يەرلەرگە ساياھەتكە بارغان، ھۆكۈمەت يىغىنلىرىغا قاتناشقان ۋە ئۆزىنىڭ كىنەزلىكىگە تەۋە يەرلەرنى باشقۇرغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە، مەملىكەت ئىچىگە قارىتا؛ مەمۇرىي ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، پارلامېنت تەشكىلىنىڭ نىزاملىرىنى تۈزۈپ چىققان؛ ئەرزىيەت سوتىنى تەسىس قىلىپ، ھۆكۈم تەرتىپلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن؛ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى ئۆزگەرتىپ رەتلىگەن؛ كان ئېچىش، مېتاللورگىيە، ياغاچ ماتېرىياللىرى قاتارلىق سانائەتلەرنى راۋاجلاندۇرغان. سىرتقا قارىتا؛ روسىيە، پولشا، دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن زومىگەرلىك تالىشىپ، 1611 — 1613-يىللىرى دانىيە بىلەن ئۇرۇشۇپ، مەغلۇپ بولغان، كنارېد (Knared) تا سۈلھ تۈزۈشۈپ، ئالتە يىل ئىچىدە غايەت زور مىقداردا تۆلەم تۆلەپ، دانىيە ئىشغال قىلىۋالغان شۋېتسىيىنىڭ ئېرۋوسبورگنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېقىن ئەتراپتىكى جايلارنى قايتۇرۇۋالغان؛ 1614-يىلى روسىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، غەلىبىگە ئېرىشىپ، «ستولبوۋو كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، فېنلاندىيە قولتۇقىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى كەڭ زېمىننى ئىگى-لىۋالغان؛ 1621 — 1629-يىللىرى پولشا بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، لىۋونىيە بىلەن مېمېل (Memel) قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىۋالغان؛ 1630-يىلىدىن باشلاپ 30 يىللىق ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، كاتولىك دىنى ئىتتىپاقى ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيە ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان؛ كېيىن لوتزېن (Lotzen) جېڭىدە يارىدار بولۇپ ئۆلگەن.

گۇستاۋ ۋاسا

  • گۇستاۋ ۋاسا[يەشمىسى:]Gustav Vasa، 1496 — 1560). شۋېتسىيە كورۇلى (1523 — 1560). 1523-يىلى خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، دانىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ («كالمار ئىتتىپاقى» غا قارالسۇن)، شۋېتسىيىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان، پارلامېنتتا كورۇللۇققا سايلىنىپ، ۋاسا خاندانلىقىنى قۇرغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللىرىدە، دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، لۇتىر مەزھىپىنىڭ پروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، شۋېتسىيە يېزىقىدىكى «ئىنجىل» نى نەشىر قىلدۇرغان؛ كاتولىك چېركاۋىنىڭ يەر-زېمىن مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان؛ مالىيەنى رەتكە سالغان؛ پادىشاھلىق ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، پادىشاھلىق ئورۇننىڭ مىراس قالىدىغانلىقىنى بېكىتكەن؛ قۇدرەتلىك قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىققان؛ سودا-سانائەتنى راۋاجلاندۇرغان، دېھقانلارغا قاراتقان ئېكسپلاتاتسىيە قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكتىن، دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى ئۈزلۈكسىز بولۇپ تۇرغان (1524 — 1525، 1527 — 1528، 1531 — 1532). لېكىن ھەممىسى باستۇرۇلغان.

گۇسمان بلانكو

  • گۇسمان بلانكو[يەشمىسى:]Antonuo Guzman Blanco، 1829 —1899-يىللار)؛ ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭى (1870 — 1877، 1879 — 1884، 1886 —1888). ئاتاقلىق ئائىلىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا داشۆدە قانۇن كەسپىنى ئۆگەنگەن. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ كاتىپى بولغان ھەمدە پائېز (Paez) غا قارشى ئىچكى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، گېنېراللىققا ئۆستۈرۈلگەن. كېيىن مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ (1863 — 1868)، مۇۋەققەت زۇڭتۇڭ (1870) ھەمدە بىرقانچە نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ بولغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، چەت ئەل كاپىتالى بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ بايلىق مەنبەسىنى ئېچىشىغا ئىلھام بەرگەن ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگەن، چېركاۋلارنىڭ ئۆكتەملىكى ۋە مونوپول قىلىشىغا قارشى تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەخسىي مۇستەبىتلىكنى يولغا قويۇپ، ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇپ، قاتتىق نارازىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كېيىن ئەنگلىيىنىڭ مەجبۇرلىشى ئارقىسىدا گۋىئانا چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلغان، 1888-يىلى پارىژدا ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. فرانسىيىدە ئۆلگەن.

گۇڭبېن بەيخېزى (مىياموتو يۇرىكو)

  • گۇڭبېن بەيخېزى (مىياموتو يۇرىكو)[يەشمىسى:]1899 — 1951) ياپونىيىلىك ئايال يازغۇچى. ئەسلى فامىلىسى جۇڭتياۋ. ياپونىيە قىزلار داشۆسى تەييارلىق بۆلۈمىدە ئوقۇۋېتىپ، ئارىلىقتا ئوقۇشتىن چېكىنگەن. 1916-يىلى «نامرات كىشىلەر» ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن كىشىلەرگە تونۇلغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇغان. 1930-يىلى پرولېتارىيات يازغۇچىلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 1931-يىلى ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1932-يىلى مىياموتو كېنجى (1909 — ) بىلەن توي قىلغان ھەمدە فامىلىسىنى ئۆزگەرتكەن. بىرقانچە قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ياتقان، ئەمما يېزىقچىلىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، يېڭى ياپون ئەدەبىياتى جەمئىيىتى قۇرۇش ۋە دېموكراتىك ئەدەبىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان. ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ، مۇھىم ھېكايىلىرىدىن: «شېنزى»، «بوجۇدىكى تۈزلەڭ»، «ئىككى ھويلا»، «يول بەلگىسى» قاتارلىقلار بار. كېيىن «مىياموتو يۇرىكو ئەسەرلىرى» دىن 15 توم نەشىر قىلىنغان.

گۇڭچى تاۋتيەن (مىيازاكى خىروشى)

  • گۇڭچى تاۋتيەن (مىيازاكى خىروشى)[يەشمىسى:]1871 — 1922) ياپونىيىنىڭ مىيجى، داجېڭ يىللىرىدا ئۆتكەن ئەرباب، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ قوللىغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى خۇساڭ، ئادەتتە يىنساڭ دەپ ئاتالغان، تەخەللۇسى بەيلاڭئەن تاۋتيەن. كۇماموتو ناھىيىسىنىڭ خۇاڭۋېي كەنتىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان. داجياڭ ھەقسىز ئوقۇتۇش مەكتىپى ۋە توكيودىكى مەخسۇس مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۆسمۈر ۋاقتىدا ئەركىنلىك، خەلق ھوقۇقى پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 90-يىللاردىن باشلاپ، جۇڭگو ئىنقىلابىغا كۆڭۈل بۆلگەن. 1897-يىلى سۇن جۇڭشەن بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، جۇڭگو ئىنقىلابىغا ئاكتىپ ياردەم بەرگەن. 1902-يىلى «33 يىللىق چۈش» ناملىق ئەسىرىنى يازغان. 1905-يىلى سۇن جۇڭشەننىڭ توكيودا جۇڭگو ئىنقىلابىي تۇڭمېڭخۇينى قۇرۇشىغا ھەمكارلاشقان. ئۇنىڭ ئولتۇراق جايى «پۇقرالار گېزىتى» نى تارقىتىش ئورنى بولغان. 1911-يىلى شىنخەي ئىنقىلابى مەزگىلىدە، شاڭخەيدە «شاڭخەي ئوبزورى» نى نەشىر قىلغان. سۇن جۇڭشەن ئۇنى «باشقىلارنىڭ دۆلەت ئىشى ئۈچۈن، دىيانىتىنى ساقلاپ، ئازاب چېكىشكە تەييار تۇرىدىغان ئادەم» دەپ تەرىپلىگەن. كېيىن ئۇنىڭ «مىيازاكى خىروشى ئەسەرلىرى» دىن بەش توم نەشىر قىلىنغان.

گۇڭفۇ

  • گۇڭفۇ[يەشمىسى:]؟ — 841 ياكى 846) چاۋشيەندىكى قەدىمكى سىللا دۆلىتىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى، كاتتا سودىگەر، خەنزۇچە ئىسمى جاڭ باۋگاۋ. ياش ۋاقتىدا تاڭ سۇلالىسىدە شۈيجۇدىكى ۋۇخىڭ ئارمىيىسىدە كەنجى سانغۇن بولغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، مىلادى 828-يىلى (شىڭدې خان 3-يىلى) غەربىي جەنۇبىي دېڭىز تەۋەسىدىكى مۇھىم جاي — چىڭخەي بازىرى (چۈەنلونەن ئۆلكىسى كانجىن ۋىلايىتىدىكى گۈەنداۋ ئارىلى) نىڭ ئەلچىسى بولۇپ، دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بەرگەن، سىللالىقلارنى تۇتۇپ، قۇل قاتارىدا تاڭ سۇلالىسىغا سېتىپ بېرىشنى قاتتىق مەنئى قىلغان. يەنە كېلىپ تاڭ سۇلالىسىگە، ياپونىيە ۋە سىللادىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دېڭىز ئارقىلىق سودا قىلىپ، زور پايدا ئۈندۈرۈۋالغان. تاڭ سۇلالىسىگە بارىدىغان ياپونلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ كېمىسىگە ئولتۇرغان. 836-يىلى خان شىڭدې ئۆلگەندىن كېيىن، جېن جۈنجىڭ خان جەمەتىدىكىلەر بىلەن پادىشاھلىق تەختىنى تالىشىشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئۈستىگە، ئوغلى جىڭ يوجىڭ چىڭخەي بازىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن گۇڭخۇنىڭ قېشىغا كەلگەن. 838-يىلى مىنشۇەيۋاڭ شىكاڭۋاڭنى ئۆلتۈرگەن. جىڭ يوجىڭ جەمەتىدىكىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەختنى تالاشقان. گۇڭخۇنىڭ ئەسكەرلىرىدىن 5000 نى باشلاپ كېلىپ، ئىككىنچى يىلى مىنشۇەيۋاڭنى ئۆلتۈرۈپ ئۆزى تەختكە چىققان، ئۆزىنى شېنۋۇۋاڭ دەپ ئاتىغان. گۇڭخۇنىڭ تۆھپىسى بولغاچقا پىدائىي قوشۇن باشلىقى دېگەن ئەمەلگە ئېرىشكەن، ئىككى مىڭ ئۆيلۈك پۇقرا ئىنئام قىلىنغان، دېڭىزنى تىنچلاندۇرغۇچى سانغۇن قىلىنغان. 840-يىلى (ياكى 845-يىلى) سودىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ياپونىيىنىڭ كىيوسىيو دازەي مەھكىمىسىگە ئەلچى ئەۋەتكەندە ياپونىيە ئۇنى رەت قىلغان، خان جەمەتىنىڭ ئۆز قىزىنى ياتلىق قىلىش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى دەپ، 841-يىلى (846-يىلىمۇ دېيىلگەن) ئەسكەر باشلاپ ئىسيان كۆتۈرگەندە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن.

گۇڭ يۆجۈن

  • گۇڭ يۆجۈن[يەشمىسى:] ياپونىيىدە تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەردىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ يولباشچىسى. مىلادى 214-يىلى ئادەملىرىنى باشلاپ پېكچىدىن ياپونىيىگە بارغان. سىللالىقلارنىڭ توسۇۋېلىشى بىلەن گارو دۆلىتىدە تۇرۇپ قالغان. 216-يىلى ياپونىيە ئۇنى ئەسكەر ئەۋەتىپ ئېلىپ كەتكەن. «يېڭى تۈزۈلگەن فامىلىلەر توپلىمى» دە رۇڭتۇڭجۈن دېيىلگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ ياپونىيىدىكى چىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ بوۋىسى ئىكەن.

گۇڭ يى

  • گۇڭ يى[يەشمىسى:]؟ — 918) چاۋشيەن موجېڭ دۆلىتىنى قۇرغۇچى، فامىلىسى جېن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سىنلوخان جەمەتىدىن كېلىپ چىققانىكەن، ئون نەچچە ياشقا كىرگەندە شىدا بۇتخانىسىغا بېرىپ راھىب بولغان، تەخەللۇسى شيەنزۇڭ، سىنلونىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، مىلادى 891-يىلى جوجۇ (جىڭجى ئۆلكىسىدىكى جۇسەن) قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى چىشۇەننىڭ قېشىغا بارغان، 892-يىلى بېييۈەن (جياڭيۈەن ئۆلكىسىدىكى يۈەنجۈ) قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى لياڭ جىننىڭ قېشىغا بارغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزى مۇستەقىل بولۇپ، تېيۈەن(جياڭيۈەن ئۆلكىسىدىكى تېيۈەن) دېگەن يەردە تۇرغان. سوڭيۆ (جىڭجى ئۆلكىسىدىكى كەيچىڭ) لىك ۋاڭ جيەن كەلگەندىن كېيىن 897-يىلى سوڭيۆغا كۆچۈپ كەتكەن. 901-يىلى (شياۋگۇڭ 5-يىلى) خان بولغان («ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىش ئىزلىرى» نىڭ خانلىق تارىخى قىسمىدا كورىيە دېيىلگەن). 904-يىلى دۆلەت نامىنى موجېن، يىل نامىنى ۋۇتەي دەپ ئۆزگەرتكەن؛ 905-يىلى پايتەختنى تېيۈەنگە كۆچۈرۈپ بېرىپ، يىل نامىنى شىڭسېي قىلىپ ئۆزگەرتكەن. 911-يىلى دۆلەت نامىنى تەيفېڭ، يىل نامىنى سۇيدې ۋەنسۇي دەپ ئۆزگەرتكەن. 914-يىلى يىل نامىنى جېڭكەي دەپ ئۆزگەرتكەن، ئۇنىڭ زېمىنى شىمالدا پىخىنيان ئەتراپىغىچە، جەنۇبتا شاڭجۇغىچە كېڭىيىپ، سىللا ۋە جېڭشۈەن (كېيىنكى پېكچى) تىركىشىپ تۇرغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. تارىختا كېيىنكى ئۈچ دۆلەت دېيىلگەن. 918-يىلى ۋاڭ جيەن ھاكىمىيەتنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغاندىن كېيىن ئورمانلىققا قېچىپ كەتكەن. شۇ يەردىكى پۇقرالار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

گۇلارت

  • گۇلارت[يەشمىسى:]Joao Belchior Marques Goulart،1918— 1976-يىللار)؛ برازىلىيە زۇڭتۇڭى (1961 — 1964). كېلىپ چىقىشى چوڭ چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى. ئادۋوكات بولغان. 1945-يىلى برازىلىيە لېيبورىستلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، 1951-يىلىدىن باشلاپ مەزكۇر پارتىيىنىڭ داھىيسى بولغان. 1946 — 1950-يىللىرى رىئوگراندى دوسول شتاتى قانۇن تۇرغۇزۇش مەھكىمىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1950-يىلى برازىلىيە پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1953 — 1954-يىللىرى ۋارگاس ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك، سانائەت ۋە سودا مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1955 — 1961-يىللىرى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1961-يىلى كۇادروس (Janioda Silva Quadros،1917 —) زۇڭتۇڭ ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، ئورنىغا زۇڭتۇڭ بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىل ئىچىدە چەكلىك يەر ئىسلاھاتى، خۇسۇسىيلار ماي ئايرىش زاۋۇتلىرىنى ئىشلىتىش، دۆلەت ئىمپورت قىلىنىدىغان نېفىتنى مونوپول قىلىش ۋە تاشقى مەبلەغ پايدىسىنى چەتكە چىقىرىشنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان.1964-يىلى 4-ئايدا ھەربىيلەر سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇراگۋايدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1973-يىلى ئارگېنتىنانىڭ شىمالىي قىسمىغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان، كېيىن كېسەل بولۇپ ئۆلگەن.

گۇلدىن

  • گۇلدىن[يەشمىسى:]Gulden) ⅩⅤ ئەسىردىن ⅩⅥ ئەسىرگىچە گېرمانىيە ھەم ئۇنىڭ يېقىن قوشنىلىرى قۇيغان ئالتۇن پۇلنىڭ نامى. ⅩⅥ ئەسىردىن ⅩⅨ ئەسىرلەرگىچە ئوتتۇرا ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەر يەنە كۈمۈش گۇلدىن قۇيغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ گوللاندىيىدە يەنىلا ئىشلىتىلمەكتە.

گۇمانخورلار

  • گۇمانخورلار[يەشمىسى:] قەدىمكى يۇناننىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن پەلسەپە ئېقىمى. بۇ ئېقىمغا ئاساس سالغۇچى ئىللىسلىق پيررون(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 365— 275). بۇ ئېقىمنىڭ ئورتاق ئىدىيىسى — كىشىلەر شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى مەڭگۈ چۈشىنىپ بولالمايدۇ دېگەندىن ئىبارەت. ئۇلار: سەزگۈ — بىلىمنىڭ مەنبەسى بولغانىكەن، ئۇنداقتا سەزگۈ(سەزگۈ ئەزالىرى) پەقەت شەيئىلەرنىڭ يۈزەكى كۆرۈنۈشىنىلا ئېچىپ بېرىدۇ، ئەمما شەيئىلەرنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى بىلگىلى بولمايدۇ دېگەن. پيررون ئەڭ ئاقىلانىلىق ھەرىكەت — ھەممە شەيئىلەر ئۈستىدىن پىكىر قىلماسلىق، ھەرقانداق ھۆكۈم چىقارماسلىق، مانا بۇ ئالىي ساۋابلىقتۇر، ئۇ كىشىلەرگە «ئارامخۇدالىق» (ئاتاراكسىيە ataraxia) ئېلىپ كېلىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. گۇمانخورلار ھەرقانداق شەيئىگە قارىتا پەقەت «ئېھتىمال» لىق پوزىتسىيىسىنى قوللانغان، ھەرگىز «بۇ ئىش شۇنداق بولىدۇ» دېمەسلىك، بەلكى «بۇ ئىش شۇنداقتەك قىلىدۇ» دېيىش كېرەك دەپ ھېسابلىغان. پيرروننىڭ شاگىرتى، پلىئۇلىق تىمون (Timon phleious، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىردە ئۆتكەن) مۇنداق دېگەن: «مەن ھەرگىز ھەسەلنى تاتلىق دېمەيمەن، پەقەت ھەسەل قارىماققا تاتلىقتەك قىلىدۇ، دەپ ئېتىراپ قىلىمەن». مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ — Ⅲ ئەسىردە ئۆتكەن دارىلفۇنۇنچىلارنىڭ ۋەكىلى، پىتانلىق (كىچىك ئاسىيا) ئاركېسىلاۋ (Arcesilaus) ۋە كيرېنلىق (شىمالىي ئافرىقا) كارنېئاد (Carneades) گۇمانخورلۇقنى دارىلفۇنۇنغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرغان. بۇلارنىڭ ئالدىنقىسى ھەرقانداق نەرسىنى ئېنىق بەلگىلىمەسلىك، ھەتتا ھەرقانداق نەرسىنى ئېنىق بەلگىلىمەسلىكتەك بۇ ئىشنىمۇ بەلگىلىمەسلىكنى بىلدۈرگەن، بۇ قەدىمكى جەمئىيەتتە يەتمەكچى بولغان ئاگنوستىتسىزم (بىلگىلى بولماسلىق نەزەرىيىسى) دىن ئىبارەت. كېيىنكىسى، ئافىنا «يېڭى دارىلفۇنۇن» نىڭ قۇرغۇچىسى دەپ ئاتىلىپ، ئۇ سىتوئىكچىلارنىڭ «بىشەملىك» بىلىم نەزەرىيىسىگە ھۇجۇم قىلغان، مىلادىدىن 155-يىل ئىگىرى رىمغا ئەلچى بولۇپ بارغان ھەمدە ئۇ يەردە نۇتۇق سۆزلەپ، گۇمانخورلۇقنى جېنىنىڭ بارىچە ئاقلىغان. كېيىنكى دەۋردە ئۆتكەن گۇمانخورلاردىن كرىتلىق ئېنېسىدېم (Aenesidemus، مىلادىدىن ئىلگىرىⅠ ئەسىردە ئۆتكەن) ۋە سېكستو ئىمپىرىكۇ (مىلادى Ⅲ — Ⅱ ئەسىرلەر ئارىلىقىدا ئۆتكەن) قاتارلىقلار بار. بۇ مەزگىل قەدىمكى گۇمانخورلارنىڭ پائالىيىتى ئاخىرلىشىپ قالغان مەزگىلى بولغان. گۇمانخورلۇق ئىدىيىسى كېيىنكىلەر ئۈچۈن خېلىلا تەسىر كۆرسەتكەن، يېقىنقى زاماندىكى مەشھۇر گۇمانخور ئەنگلىيىلىك داۋىد يۇم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

گۇمانخورلۇق ئېقىمى

  • گۇمانخورلۇق ئېقىمى[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا روسىيىدە بارلىققا كەلگەن تارىخشۇناسلىق ئىلمىي ئېقىمى. بۇلار تارىخ ماتېرىياللىرىغا قارىتا تەنقىدىي (گۇمان قىلىش) پوزىتسىيە تۇتقانلىقىدىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ ئېقىمغا ئاساس سالغۇچى كاچېنوۋىسكى (.Т.М Каченовский، 1775 — 1842). بۇ ئېقىم تارىخ بىر خىل پەن، ھەرگىز مەنىۋى جەھەتتىكى ۋەز-نەسىھەت ئەمەس دەپ قارىغان. كارامزىن يازغان: «روسىيە دۆلەت تارىخى» ئاساس قىلغان تارىخىماتېرىياللارنىڭ چىنلىقى ۋە ئۇنىڭ توغرىلىقىغا قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە «رۇس قەدىمكى زامان قانۇنى» قاتارلىق تارىخىي يازما يادىكارلىقلاردىن گۇمانلانغان. رۇس دۆلىتىنىڭ نورمانلاردىن پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدىكى تەلىماتقا قارشى تۇرۇپ، رۇس دۆلىتى كازاكلاردىن كېلىپ چىققان، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ۋارانگىلارنى بالتىق دېڭىزى رايونىدا ياشىغۇچى سلاۋىيانلار دەپ قارىغان. بۇ ئېقىمنىڭ گەرچە يېتەرسىز جايلىرى بولسىمۇ ۋە ئۇلارنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرى قاتتىق تەنقىدگە ئۇچرىغان ھەمدە كەڭ كۆلەمدە بەس-مۇنازىرە قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت تەرەپ تارىخشۇناسلىقىنىڭ نوپۇزىنى تەۋرىتىپ، روسىيە بۇرژۇئا تارىخشۇناسلىقى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر باسقۇچ بولۇپ قالغان.

گۇمانىزملىق تارىخشۇناسلىقى

  • گۇمانىزملىق تارىخشۇناسلىقى[يەشمىسى:] ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدە تارىخنى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىئىنەزەر بويىچە تەتقىق قىلىدىغان دەسلەپكى بۇرژۇئازىيە تارىخشۇناسلىقى. دەسلەپتە خرىستىئان دىنىدىكى ئىلاھىيەت تارىخشۇناس كۆز قارىشىنى چۆرۈپ تاشلاپ، «تەۋرات» تىكى ئاساسسىز نەرسىلەرنى تارىخ دەپ قاراشقا قارشى تۇرۇپ، يەھۇدىيلار تارىخى ۋە چېركاۋ تارىخى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان تارىخ تۈزۈش سىستېمىسىنى ئىنكار قىلغان ھەمدە زور كۈچ بىلەن قەدىمكى زامان ئەسەرلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ، قەدىمكى تارىخشۇناسلىق ئەنئەنىسىنى ئۈلگە قىلغان. ئادەم ۋە ئىش ئۈستىدىكى خاتىرىلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى ئۈستىدە ئىزدەنمەكچى بولغان. سىياسىي-ھەربىي ئىشلار تارىخىغا ئەھمىيەت بېرىپ، قەدىمكىنى بۈگۈنكى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، تارىخنى يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيىنىڭ كۈرەش قورالى قىلىشنى تەكىتلىگەن. بۇ، ئەدەبىيات-سەنئەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى بولغان ئىتالىيىدە بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان، ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن برۇنى، بوكېئو، بىئاندۇ، ۋارا قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ ماچىئاۋېللى، گۇچى ئادىنلار ھەممىدىن داڭلىق ئىدى. ئەدەبىيات-سەنئەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ كەڭ تارقىلىشى بىلەن بىللە، غەربىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەردىمۇ راۋاج تاپقانىدى. فرانسىيىدىكى مېنس، بودان دائوبىگېنى؛ ئەنگلىيىدىكى كامدېن (Camden)؛ گوللاندىيىدىكى خوفت (Hooft) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەشھۇر تارىخشۇناس ئىدى. ئىنسانپەرۋەر تارىخشۇناسلىق كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. يېقىنقى زامان غەرب بۇرژۇئازىيە تارىخشۇناسلىقىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن.

گۇمما ۋەقەسى

  • گۇمما ۋەقەسى[يەشمىسى:] ياپونىيىدە ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى مەزگىلىدە لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ گۇمما ناھىيىسىدىكى ئەزالىرى رەھبەرلىك قىلغان دېھقانلارنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭى ۋەقەسى. 1884-يىلى 4-ئايدا، لىېبراللار پارتىيىسىنىڭ گۇمما ناھىيىسىدىكى ئەزالىرىدىن خىبى سون قاتارلىق كىشىلەر دېھقانلار، ئوۋچىلارنى ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئېلىشقا تەشكىللەپ، قوشۇن تارتىپ، ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا تەييارلىق قىلغان. 5-ئاينىڭ باشلىرىدا، ئۇلار تاكاساكىدىكى خونجو ۋوگزالىنىڭ يېنىغا يوشۇرۇنۇپ، ناكاسېندو تۆمۈريولىدا پويىز قاتناش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشقا ۋە ئۇلارنى تىرىك تۇتۇشقا ئۇرۇنغان. بىراق ھۆكۈمەت بۇنىڭدىن ئالدىن خەۋەر تاپقانلىقتىن، پويىز قاتناش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمىگەن. ئۇلارنىڭ پىلانى شۇنىڭ بىلەن ئەمەلگە ئاشمىغان. 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، خىبىسون قاتارلىقلار 3000 دېھقاننى باشلاپ، مىيوگىسان تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى جىمباداكې دىگەن يەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئاكابى تامسوكېنىڭ جازانىخورلۇق شىركىتىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ماتسۇيداماچى ساقچى شۆبە مەھكىمىسىنى ئىگىلىۋالغان ھەمدە تاكاساكى ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان. لېكىن ئوزۇقلۇق ئاشلىق تۈگەپ قالغانلىقتىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا تارقىلىپ كەتكەن. خىبى سون قاتارلىق 42 كىشى قولغا ئېلىنغان. ئۇلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى يىلدىن 13 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلگەن.

گۇۋاھنامىلىق دېھقانلار

  • گۇۋاھنامىلىق دېھقانلار[يەشمىسى:]«گۇۋاھنامىلىق ياللانما دېھقانلار» غا قارالسۇن.

گۇۋاھنامىلىق ئورتاقچى دېھقان

  • گۇۋاھنامىلىق ئورتاقچى دېھقان[يەشمىسى:] گۇۋاھنامىلىق دېھقان، تىزىمغا ئالدۇرغان دېھقان ياكى ھۆكۈمەت رويخېتىدىكى دېھقان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيىدە ⅩⅦ — ⅩⅤ ئەسىرلەردە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن فېئودال بېقىندى دېھقانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار غوجىدارلار سوت مەھكىمىسى تارقاتقان گۇۋاھنامە بويىچە ئۈلۈشلۈك يەرگە ئىگە بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتىلىپ قالغان. ئۇلار، يانچى (ۋىللان) لاردىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ يانچىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇلار كىشىلىك ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئۆمۈرۋايەت ئۈلۈشلۈك يەرگە ئىگە بولالىغان، غوجىدارلارغا بەلگىلەنگەن ساندىكى يەر ئىجارىسى تاپشۇرۇپ تۇرغان. ئۈلۈشلۈك يەرگە ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن باشقىدىن يۇقىرى ۋارىسلىق بېجى تۆلىگەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنىلا يانچىلىقنىڭ بەزى قالدۇقلىرى، مەسىلەن: ئۆلۈم-يېتىم بېجى تاپشۇرۇش قاتارلىقلار ساقلىنىپ قالغان. ⅩⅥ ئەسىرلەردە يەر دائىرىلىۋېلىش ئەۋج ئالغانلىقتىن، ئۇلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ يېرىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، سەرسان بولۇپ كەتكەن. ⅩⅦ ئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن كېيىن پومېشچىكلارنىڭ ئورتاقچىلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن.

گۇئېسدې

  • گۇئېسدې[يەشمىسى:]Juleus Guesde، 1845 — 1922) ئەسلى ئىسمى ماتىئېئو باسىلې (Mathieu Basile). فرانسىيىلىك سوتسىيالىزمچى، ئىشچىلار پارتىيىسىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. پارىژدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئاخباراتچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇلۇز «ئەركىن ئالغا گېزىتى»، مۇنپىللىې «ئەركىنلىك گېزىتى» ۋە «خەلق ھوقۇقى گېزىتى» نىڭ تەھرىر بۆلۈم كاتىپى بولغان. دائىم ماقالە يېزىپ ئىككىنچى ئىمپېرىيىنىڭ سىرتقا كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرغان ھەمدە پارىژ كوممۇنىسى ئىنقىلابىنى مەدھىيىلىگەن. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، شۋېتسارىيە ۋە ئىتالىيىدە مۇساپىر بولۇپ ياشىغان. 1876-يىلى مەملىكىتىگە قايتىپ كېلىپ ماركسىزمنى قوبۇل قىلىشقا ۋە تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان ھەمدە ئىككىنچى يىلى «باراۋەرلىك گېزىتى» نى تەسىس قىلىپ، سوتسىيالىزم ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان. 1879-يىلى مارسېلدا ئېچىلغان فرانسىيىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق ئىشچىلار قۇرۇلتىيىدا، ئىشچىلار پارتىيىسى (فرانسىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى ئىتتىپاقى) قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1880-يىلى لافارگنىڭ ھەمراھلىقىدا لوندونغا بېرىپ، ماركس ۋە ئېنگېلس بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ پروگراممىسىنى بىرلىكتە تۈزگەن. شۇنىڭدىن كېيىن مۇمكىنچىلەرگە قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرغان. 1893-يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، كېيىن يەنە كۆپ قېتىم قايتا سايلانغان. 1899-يىلى مۇستەقىل سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى مىللېراننىڭ ئىچكى كابىنېتقا كىرىشىگە قارشى تۇرغان. 1901-يىلى لافارگ بىلەن بىرلىكتە فرانسۇز سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان. 1905-يىلى ژورېسنىڭ فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن قوشۇلۇپ،فرانسىيە بىرلەشكەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى (ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالىنىڭ فرانسىيە ياچېيكىسى) بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مىللىي شوۋېنىزملىق مەيدان قوللانغان ھەمدە «مۇقەددەس ئىتتىپاق» ئىچكى كابىنېتىدا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى بولۇپ (1914 — 1916)، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىشلىرىدىن چەتلەپ كەتكەن.

گۇئىسدېچىلار

  • گۇئىسدېچىلار[يەشمىسى:]ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ بېشىدا، فرانسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى گۇئىسدې رەھبەرلىك قىلغان سىياسىي گۇرۇھ. ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرۇش مەزگىلىدە شەكىللىنىپ، دەسلەپتە كوللېكتىۋىزمچىلار دەپ ئاتالغان ۋە ماركسىزمنى تەشۋىق قىلىش جەھەتتە زور رول ئوينىغان. مۇمكىنچىلەر، ھۆكۈمەتسىزلەر، «ئىچكى كابىنېتقا كىرگۈچىلەر» قاتارلىقلارغا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرغان؛ پرولېتارىياتنىڭ سىياسىي ئازادلىقى ۋە ئىقتىسادىي ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ نۇرغۇن تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇرژۇئازىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ خەلققە قارشى سىياسىتى ۋە مۇستەملىكىلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. ئەمما بۇلانگېر ۋەقەسى، درېيفۇس دېلوسىدا مەزھەپچىلىك تاكتىكىسىنى قوللانغان؛ ئۇششاق خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە باي دېھقانلارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىسىنى قوغدايدىغان يەر پروگراممىسى — «نانتېس پروگراممىسى» نى تۈزگەن. پارلامېنت كۈرىشىگە مەستانە بولۇپ كەتكەن. 1901-يىلى فرانسۇز سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان. 1905-يىلى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئېقىم مەيدانىدا تۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە «مۇقەددەس ئىتتىپاق» ئىچكى كابىنېتىگە قاتنىشىپ، بۇرژۇئازىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن يوقالغان.

گۇئىسساردىنى

  • گۇئىسساردىنى[يەشمىسى:]Francesco Guicciardini، 1473 — 1540) ئىتالىيە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى تارىخشۇناس. فلورېنسىيىدىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. فېررارا ۋە پادۇيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان. 1512-يىلى فلورېنسىيىنىڭ ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. 1516-يىلدىن باشلاپ، ئىلگىرى-كېيىن رىم ۋاتىكاننىڭ مودېنا، روماگنا ۋە بولۇنىيىدە تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى بولغان. ئۇنىڭ 20 توملۇق «ئىتالىيە تارىخى» دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئەسەر 1494-يىلدىكى ئىتالىيە ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىدىن باشلىنىپ، 1534-يىلىدىكى پاپا پاۋېل Ⅲ تەختكە چىققانغا قەدەر جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ كىتاب شتاتلارنىڭ چېگرىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، شۇ چاغدىكى پۈتۈن ئىتالىيىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى سۈرەتلەپ چىققاچقا، ئىتالىيىنىڭ ئومۇمىي تارىخى دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى مۇھىم كلاسسىك ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئۇ كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتپەرەسلىك مۇددىئاسىنى تارىخ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ دەپ قارىغان ھەمدە خەلق ئاممىسىغا دۈشمەنلىك پوزىتسىيە تۇتقان.

گۇيتەيلاڭ (كاتسۇرا تارو)

  • گۇيتەيلاڭ (كاتسۇرا تارو)[يەشمىسى:]1848 — 1913) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1901 — 1906، 1908 — 1911، 1912 — 1913). ناگاسۇ ۋاسساللىقى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپكى يىللاردا شوگناتنى جازالاش قوشۇنىغا قاتناشقان. مېيجى يېڭىلىقى مەزگىلىدە،1870-يىلى گېرمانىيىگە بېرىپ ئوقۇغان، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ياماگاتانىڭ گېرمانىيىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇرۇشىغا ياردەملەشكەن. 1875 — 1878-يىللىرى گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىدا ھەربىي ئەمەلدار بولغان، 1884-يىلى داشەنيەن بىلەن بىللە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ھەربىي ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. 1886-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مۇئاۋىن قوماندانى بولغان. 1894-يىلى 3-شتۇەننى باشلاپ جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن، 1896-يىلى 6 — 10-ئايلاردا يېڭىدىن ئىشغال قىلىنغان تەيۋەننىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1898 — 1901-يىللىرى ئۇدا تۆت نۆۋەت ئىچكى كابىنېت قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، ياپونىيە-ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنى قۇرۇشقا قاتناشقان، ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىنى قوزغىغان، دانى ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان، سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنى باستۇرغان ھەمدە چاۋشيەننى مۇستەملىكىلەشتۈرۈشنى جىددىيلەشتۈرگەن. 1910-يىلى چاۋشيەننى يۇتۇۋالغان. 1912-يىلى 8-ئايدا ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى، قوشۇمچە ياساۋۇللار باشلىقى بولغان. 1912-يىلى 12-ئايدا شيۇەنشى ئىككىنچى ئىچكى كابىنېتى ھەربىي شتاب تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن ئۈچىنچى قېتىم باش ۋەزىر بولغاندا، ئاساسىي قانۇننى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

گۇيزوت

  • گۇيزوت[يەشمىسى:]Francois Pierre Guillaume Guizot، 1787 — 1874) فرانسىيىلىك سىياسىي ئەرباب، تارىخشۇناس. نىمېدىكى پروتېستانتلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كىچىكىدە ئانىسىغا ئەگىشىپ شۋېتسارىيىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، كالۋىن دىنى تەربىيىسىنى ئالغان. 1805-يىلى پارىژغا قايتىپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.1812-يىلى پارىژ داشۆسىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخ پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان. بوربون سۇلالىسى تىرىلدۈرۈلگەندە، 1814-يىلىدىكى ئاساسىي نىزامنى تۈزۈشكە قاتناشقان، بىر مەھەل ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىكىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلىق مەيدانىدا تۇرغان. 1830-يىل ئىيۇل ئىنقىلابى مەزگىلىدە لۇئى فىلىپنىڭ تەختكە چىقىشىنى ھىمايە قىلغان. ئىيۇل سۇلالىسى دەۋرىدە، 1830-يىلدىكى ئاساسىي نىزامنى تۈزۈشكە قاتناشقان، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى (1830)، خەلق مائارىپى ۋەزىرى (1832 — 1836، 1836 — 1837)، ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى (1840)، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1840 — 1848)، باش ۋەزىر (1847 — 1848) بولغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەمەلىيەتتە چوڭ ھوقۇقنى ئىگىلەپ، چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچىنىڭ بارىچە قوغدىغان. 1848-يىلدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدا تەختتىن چۈشكەن. ئەنگلىيىدە بىر يىل پاناھلانغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتقان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كۈچىنى تارىخ يېزىشقا قاراتقان. ئۇ فرانسىيىنىڭ تىرىلىش دەۋرىدىكى سىنىپىي كۈرەش تارىخشۇناسلىرى ۋەكىللىرىنىڭ بىرى. 1833-يىلى فرانسىيە تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتىنى بەرپا قىلغان ھەمدە فرانسىيە تارىخىغا ئائىت نۇرغۇنلىغان ھۈججەت-ماتېرىياللارنى رەتلەپ نەشىر قىلىشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1836-يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى: «چارلېس Ⅰ دىن چارلېس Ⅱ گىچە بولغان ئەنگلىيە ئىنقىلابى تارىخى»، «ياۋروپا مەدەنىيەت تارىخى»، «فرانسىيە مەدەنىيەت تارىخى»، «فرانسىيە پارلامېنت تارىخى» قاتارلىقلار.

گۇيئېننې

  • گۇيئېننې[يەشمىسى:]«ئاكۇيتان» غا قاراڭ.

گۆركارلار قوزغىلىڭى

  • گۆركارلار قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]قەدىمكى مىسىردىكى 20-سۇلالە دەۋرىدە تېبېس پادىشاھ قەبرىسىنى ياسىغۇچى ئۇستىلار ۋە قول ھۈنەرۋەنلەرنىڭ فىرئەۋىن ئەمەلدارلىرىغا قارشى كۈرىشى. ئۇلار فىرئەۋىن ئەمەلدارلىرىنىڭ ئوزۇقلۇقىنى تۇتۇپ قېلىشىغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، تۇتموس Ⅲ بىلەن رامسېس Ⅱ نىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئىشغال قىلىپ، ئەمەلدارلار ۋە كاھىنلارنى قورشىۋېلىپ، ئاشلىق بېرىشنى غەزەپ بىلەن تەلەپ قىلغان، فىرئەۋىننى ھەقىقەتەن «يامان ئىش» قىلدى، دەپ ئاشكارا ئەيىبلىگەن. ھۆكۈمرانلار نائىلاج ئۇلارغا 50 تاغار ئاشلىق بەرگەن. پەرەز قىلىنىشىچە، قوزغىلاڭ ئاخىر باستۇرۇلغان.

گۈرۈچ توپىلىڭى

  • گۈرۈچ توپىلىڭى[يەشمىسى:]ياپونىيە يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئاشلىق باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان خەلق قوزغىلىڭى. ئىككى قېتىم بولغان:(1) 1889 — 1890-يىللىرى. قەھەتچىلىك يىلى گۈرۈچ باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلەپ كەتكەنلىكتىن، 1899-يىلى 10-ئايدا توياما ناھىيىسىنىڭ ئۆتسۇچى دېگەن يېرىدە گۈرۈچ بۇلاش قوزغىلىڭى پارتلىغان. قوزغىلاڭ تېزلىكتە نىگاتا، فۇكوئىي، ئىشكاۋا، توتتورى، ياماگۇچى، شىگا قاتارلىق ناھىيىلەر ۋە كيوتو ۋىلايىتىگە كېڭەيگەن. كېيىن باستۇرۇۋېتىلگەن. (2) 1918-يىلى ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي ئاشلىق شۈلۈۋېلىشى ۋە مەككار سودىگەرلەرنىڭ بېسىمدارلىقى بىلەن ئاشلىق باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ بارغان. خەلق تۇرمۇشى يامانلىشىپ كەتكەن. 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، توياما ناھىيىسىنىڭ ئۆتسۇچى دېگەن يېرىدىكى بېلىقچى ئاياللار ئالدى بىلەن قوزغىلىپ، گۈرۈچ سودىگەرلىرىنىڭ گۈرۈچنى سىرتقا يۆتكەپ باھانى قالايمىقان ئۆرلىتىشىگە قارشى كۈرەش قىلغان. ئارقىدىن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى ئاساسلىق شەھەرلىرىدە زور كۆلەملىك ئاممىۋى قوزغىلاڭ پارتلىغان. بۇنىڭغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شەھەر كەمبەغەللىرى ۋە كەمىستىلگەن قەبىلە ئەزالىرى ئىدى. قوزغىلاڭچىلار گۈرۈچ سودا سارىيىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، مەككار سودىگەر ۋە بايلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويغان. ساقچىلار بىلەن كەسكىن ئېلىشقان. بۇ قېتىمقى ھەرىكەت 53 كۈن داۋاملىشىپ بىر ۋىلايەت، 2 مەھكىمە، 38 ناھىيىگە كېڭەيگەن. قاتناشقان ئادەم سانى نەچچە مىليون كىشىگە يەتكەن. كېيىن باستۇرۇلۇپ، تەخمىنەن 25 مىڭ كىشى قولغا ئېلىنغان. 7700 كىشى سوتقا تارتىلغان. 2600 كىشى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

گۋېلىفچىلار

  • گۋېلىفچىلار[يەشمىسى:]يەنى «پاپاچىلار».

گېببلس

  • گېببلس[يەشمىسى:]Paul Joseph Goebbls، 1897 — 1945) ناتسىست گېرمانىيىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرى. ئۇرۇش جىنايەتچىسى. كىچىك ۋاقتىدا كېسەل سەۋەبىدىن ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، ئاقساق بولۇپ قالغان. 1921-يىلى ھېيدېلبېرىگ داشۆسىدە پەلسەپە دوكتورى ئۇنۋانى ئالغان. كېيىنكى يىلى ناتسىستلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، گىتلېرنىڭ تەلۋە مۇرىتىغا ئايلانغان. 1926-يىلى بېرلىن رايونلۇق ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ كاتتىبېشى بولغان. 1929-يىلى ناتسىستلار پارتىيىسى تەشۋىقات ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى بولغان.1933-يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن خەلق مائارىپ ۋە تەشۋىقات مىنىستىرى بولغان. «رېيخىستاگقا ئوت قويۇش دېلوسى» نى قەستەن پىلانلىغان. دۆلەتنىڭ بارلىق تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىنى تىزگىنلەپ، ئۇرۇشنى ئەسەبىيلەرچە تەرغىپ قىلىپ، ئىرقچىلىقنى تەرغىپ قىلغان. پىتنە-پاسات، يالغان-ياۋىداق سۆزلەر بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ روھىنى كۆتۈرگەن. كەڭ كۆلەملىك مەدەنىي تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. ناتسىستلار گۇمران بولۇش ھارپىسىدا خوتۇنى ۋە ئالتە بالىسىنى «فيورىر پودۋالى» غا بىللە ئېلىپ چۈشۈپ، گىتلېرغا ھەمراھ بولغان ھەم ئۇنىڭ نىكاھ گۇۋاھچىسى بولغان. گىتلېر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، ئۆز بالىلىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن ھەمدە ئېسئېسچىلارغا ئەر-خوتۇن ئىككىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇغان.

گېچېڭ (كاتسۇراگى) جەمەتى

  • گېچېڭ (كاتسۇراگى) جەمەتى[يەشمىسى:]ياپونىيىدىكى قەدىمكى چوڭ جەمەت. كاتسۇراگى شەھىرى (ھازىرقى نارا ناھىيىسى) گە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. مىلادى Ⅳئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، كاتسۇراگى قىزى بەنچېننى تېننو رېسىندىغا ياتلىق قىلغان. بەنچېندىن تۇغۇلغان ئوغۇللار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فۇجوڭ، فەنجېڭ ۋە يۇنگوڭدىن ئىبارەت ئۈچ تېننو بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇرۇق ھوقۇق ۋە كۈچكە ئىگە بولغان؛ ئۇلار بىرنەچچە قېتىم چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان. تېننو يۇنگوڭ ئۆلگەندىن كېيىن، تەخت تالىشىش كۈرىشىدە نۇرغۇن كىشىلىرى ئۆلتۈرۈلۈش نەتىجىسىدە، بۇ ئۇرۇقنىڭ كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشقان. ئولتۇرۇشلۇق يېرى كاتسۇراگى شەھىرىمۇ مۇسادىرە قىلىنىپ، تېننوغا بىۋاسىتە قاراشلىق خوجىلىق يەر قىلىنغان.

گېدىمىن

  • گېدىمىن[يەشمىسى:]Гедимин، ؟ — 1341) يەنە بىر ئىسمى گېدىمىناس (Гедиминас). لىتۋا كىنەزى(1316 — 1341). ئۆزىنى «لىتۋا ۋە رۇس پادىشاھى» دەۋالغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، لىتۋا كىنەزلىكى تەدرىجىي كۈچىيىپ، ئىنتىزامى قاتتىق ئارمىيىگە ئىگە بولغان. دۆلەت زېمىنىنى قوغداش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان گېرمانچە قورۇللارنى سالدۇرغان، گېرمان رىتسارلار پولكىنىڭ بىرنەچچە قېتىملىق تاجاۋۇزى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان، گېرمان رىتسارلار پولكى ئىشغال قىلىۋالغان بىرمۇنچە شەھەرلەر ۋە يەرلەرنى قايتۇرۇۋالغان. شۇنداقلا قوشنىسى بولغان روسلار رايونىغا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ۋىتېبېسكى، مىنىسك ۋە باشقا بەزى جايلارنى بېسىۋېلىپ، لىتۋا كىنەزلىكىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتكەن.

گېراكىل

  • گېراكىل[يەشمىسى:]Herakles ياكى Heracles)قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى باتۇر. رىم ئەپسانىلىرىدە گېركۇلېس (Hercules) دەپ ئاتىلىدۇ. بەك كۈچلۈك بولغاچقا «پالۋان خۇدا» دەپ ئاتالغان. باش خۇدا زېۋىس بىلەن ئالكمېنې (Alkmene) نىڭ ئوغلى. ئاتاقلىق باتۇر پېرىسئوسنىڭ (Perseus) نىڭ ئەۋلادى. ئۇ تۇغۇلۇپ سەككىز ئاي بولغاندا، مەبۇدە ھېرا ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن ئىككى زەھەرلىك يىلاننى قويۇپ بەرگەن. ئۇ بۆشۈكتە ئىككى زەھەرلىك يىلاننى بوغۇپ ئۆلتۈرگەنىكەن. ياش ۋاقتىدا تۈرلۈك ماھارەتلەرنى ئۆگەنگەن. ئولىمپىيە تېغىدىكى تەڭرىلەر ئۇنىڭغا تۈرلۈك قورال-ياراقلارنى بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆچمەس تۆھپە يارىتىشىغا ياردەم قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ 12 تۈرلۈك «زور خىزمەت» كۆرسەتكەنىكەن: (1) نىمىيە ئورمانلىقىدىكى دەھشەتلىك شىر بىلەن ئېلىشقان؛ (2) سازلىقتىكى توققۇز باشلىق يىلان (ھېدرا Hydra) نى ئۆلتۈرگەن؛ (3) ئاركادىيىدىكى قىزىل بۇغىنى تىرىك تۇتۇۋالغان؛ (4) تاغدىكى قاۋاننى تىرىك تۇتۇۋالغان؛ (5) قىغى 30 يىل چىقىرىلمىغان ئاۋگىسنىڭ (Augeas) ئېغىلىنى بىر كۈندە تازىلاپ چىققان؛ (6) كۆلدىكى ئادەم ۋە ئۇلاققا زىيان سالىدىغان قۇشلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن؛ (7) كرىت ئارىلىدىكى قۇترىغان بۇقىنى بويسۇندۇرغان؛ (8) دىئومىدېنىڭ ئادەمخور ئايغىرلىرىنى تىراكىيىدىن مىكنايغا ھەيدەپ كەلگەن؛ (9) جەڭگە ماھىر ئامازونلار (ئاياللار) مەملىكىتىگە بېرىپ ئايال پادىشاھنىڭ بەلبېغىغا ئىگە بولغان؛ (10) ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىي تەرىپىگە بېرىپ، گىگانت ئادەم گېرىيوننى (Geryones)نى ئۆلتۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭ كالىلىرىنى تارتىۋالغان (ئىككى تاغ چوققىسىنى يەنى مەشھۇر «گېراكىل تاش تۈۋرۈكى» نى تۇرغۇزغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۈگۈنكى جەبىلتارىق بوغۇزى شۇنىڭدىن ۋۇجۇدقا كەلگەنىكەن)؛(11) كاپكاز تېغىدا ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقان پرومىتىنى قۇتقۇزۇۋالغاندىن كېيىن ئاسماننى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، ئاتلاسنىڭ ياردىمى بىلەن ئۈچ دانە ئالتۇن ئالمىنى ئۈزۈپ كەلگەن. (12) ئاخىرەتتىن ئەجدىھا قۇيرۇقلۇق ئۈچ باشلىق ئىت كېربېرۇس (Cerberus) نى بۇ ئالەمگە ئېلىپ كەلگەن. ئۆز خوتۇنى دېيئانىرا(Deianira) بەرگەن زەھەرلىك قانغا مىلەنگەن كىيىمنى كىيگەنلىكتىن ئۇشتۇمتۇت ئوت يالقۇنىدا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن. ئوئېتا (Oeta) تېغىدا دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندە مەبۇدە ئافىنا تەرىپىدىن ئولىمپىيە تېغىغا ئېلىپ كېتىلىپ، مەڭگۈ ئۆلمەس باتۇر بولۇپ قالغان.

گېراكلىيە

  • گېراكلىيە[يەشمىسى:]Heraclea) قەدىمكى زاماندا تەڭرى گېراكىلىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان شەھەرلەر. ئاساسلىقى: (1) سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى خالىكوس (Halycus) دەرياسىنىڭ ئېغىزىغا جايلاشقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كرىت پادىشاھى مىنوس (Minos) قۇرغانىكەن، شۇڭا مىنوئا (Minoa) دەپ ئاتالغان؛ دەسلەپتە كرېتلار بۇ يەرگە ئاھالە كۆچۈرگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن 500 يىل ئىلگىرى لاكېدىمونلار (سپارتالار) ئۇنى بېسىۋالغان ۋە نامىنى گېراكلىيە دەپ ئۆزگەرتكەن. كېيىن ئۇنى كارفاگېنلىقلار ئىشغال قىلىۋالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىⅢئەسىردە سىتسىلىيە ئارىلى بىلەن بىللە رىمغا تەۋە بولغان. (2) كىچىك ئاسىيانىڭ بىتىنىيە (Bithynia) چېگرىسى ئىچىدە، قارا دېڭىز (يوكشىن دېڭىزى) نىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان. شۇڭا پونتىيىدىكى گېراكلىيە (Heraclea Pontica) دەپ ئاتالغان (بۈگۈنكى تۈركىيىنىڭ ئېرېگلى Eregli دېگەن يېرى). تەخمىنەن مىلادىدىن 550 يىل ئىلگىرى گرېتسىيىنىڭ مېگارا ۋە تاناگرا (پېئېتىيە چېگرىسى ئىچىدە) شەھەرلىرى قۇرغان مۇستەملىكە. ئۇ، بارا-بارا تەرەققىي قىلىپ، ئاۋات سودا پورتىغا ئايلانغان، غەربىي ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ سودا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا رول ئوينىغان . كېيىن مەرمەر دېڭىزى يەنى پروپونتىس (Propontis) نىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى نىكومېدىيە (Nicomedia) شەھىرى گۈللەپ كەتكەن، گېراكلىيە كەينى-كەينىدىن ئۇرۇش بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ، خارابلىشىپ كەتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردە رىمغا تەۋە بولغان. (3) جەنۇبىي ئىتالىيىدىكى لۇكانىيىنىڭ (Lucania) چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان. تارنىيوم قولتۇقى ئەتراپىدا. سپارتالىقلارنىڭ مۇستەملىكىسى تارېنتوم شەھىرى قۇرغان. مىلادىدىن 280 يىل ئىلگىرى پىرروس بۇ يەردە رىملارنى يەڭگەن. ئۇزۇن ئۆتمەيلا رىم زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا بۇ نام بېرىلگەن شەھەرلەردىن يەنە بىرقانچىسى بار. مەسىلەن: ماكېدونىيە چېگرىسى ئىچىدىكى شەھەر، ئۇ يەنە لىنىسېستى (Lyncestis) دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ ئوتتۇرا گرېتسىيىدىكى ئېتولىيە (Aetolia) نىڭ شەرقىدىكى شەھەر (دېموبلىغا يېقىن) قاتارلىقلار.

گېررا جۇنكېيرو

  • گېررا جۇنكېيرو[يەشمىسى:]Abilio Manuel Guerra Junqueiro، 1850 — 1923) پورتۇگالىيىلىك شائىر. 1883-يىلى كوئىمبرا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەت مەزگىلىدە تۆۋەن پالاتانىڭ ئەزاسى بولغان. 1910-يىلى پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شۋېتسارىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان (1911 — 1914). ياشلىق دەۋرىدىن تارتىپلا شېئىر يېزىشقا باشلىغان. 1874-يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى — «دون خوئاننىڭ ئۆلۈمى» نى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ پارازىتلىق تۇرمۇشى ۋە ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈكىنى سۆككەن. 1885-يىلى چېركاۋنى مەسخىرە قىلىدىغان «ئىلاھنىڭ ئاخىرقى ئۆمرى» دېگەن شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلغان. 1890-، 1896-يىلى «ۋەتەن پەللىسى» دېگەن شېئىرلار توپلىمىنى ۋە «ۋەتەن» دېگەن شېئىرىنى ئېلان قىلىپ، مۇنارخىيىلىك تۈزۈمىنى غەزەپ بىلەن قامچىلىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پان ئىلاھىچىلىققا كۆچۈپ، «بولكىغا ئىلتىجا»، «يورۇقلۇققا ئىلتىجا» قاتارلىق شېئىرلارنى ئېلان قىلغان.

گېرراززى

  • گېرراززى[يەشمىسى:]Francesco Domrnico Guerrazzi، 1804 — 1873) ئىتالىيىلىك بۇرژۇئا دېموكراتىزمچى، يازغۇچى. لىۋورنودا تۇغۇلغان. دەسلەپ قانۇن ئۆگەنگەن، كېيىن روماننى تەشۋىقات قورالى قىلىپ، خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى رىغبەتلەندۈرگەن. 1848-يىلدىكى ئىنقىلابقا ئاكتىپ قاتناشقان. 1848-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ توسكانانىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1849-يىل 2-ئاينىڭ 8-كۈنى پادىشاھلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، ماززىنى ۋە مونتانېللى بىلەن بىللە بىرلىكتە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان. 3-ئاينىڭ 28-كۈنى توسكانا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى تەرىپىدىن مۇستەبىت دەپ جاكارلانغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلىدە مۆتىدىل سىياسەت يۈرگۈزگەن. 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھ تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، نەزەربەند قىلىنغان. كېيىن كورسىي ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1859-يىلىدىكى قوزغىلاڭ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتقان، پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، ئۇنىڭ «فلورېنسىيىنىڭ قورشىۋېلىنىشى»، «بىنۋىندو جېڭى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

گېرتسېن

  • گېرتسېن[يەشمىسى:]Александр Иванович Герцен، 1812 — 1870) روسىيىلىك ئىنقىلابىي دېموكراتىزمچى، ماتېرىيالىست پەيلاسوپ، يازغۇچى. چوڭ ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بالىلىق دەۋردە دېكابرىستلار ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1829 — 1833-يىللىرى موسكۋا داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا ياشلار گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ، فۇريې، سېن-سىمون تەلىماتىنى تەتقىق قىلىپ، ئىنقىلابىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قولغا ئېلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان. 1842-يىلى سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، «ئىلىم-پەندىكى ئويۇنچاقلىق پوزىتسىيىسى»، «تەبىئەت تەتقىقاتى ھەققىدە خەتلەر» قاتارلىق پەلسەپە ئەسەرلىرىنى يېزىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ ئىلغار ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلغان. گېگېل پەلسەپىسىدىكى دىئالېكتىكىنى «ئىنقىلابى ئالگېبرا» دەپ ھېسابلىغان، ماتېرىيالىزمنى تەرەققىيات نۇقتىئىنەزەرى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. لېنىن ئۇنى «دىئالېكتىك ماتېرىيالىزمنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەن، تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ ئالدىدا توختاپ قالغان» دېگەن. 1847-يىلى، ئۇ چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. پارىژدا 1848-يىلى 6-ئايدىكى ئىشچىلار قوزغىلىڭىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. كېيىن «فرانسىيە ۋە ئىتالىيىدىن كەلگەن خەتلەر» ۋە «نېرىقى قىرغاقتىن» دېگەن ئىلمىي ماقالىسىدە ئىنقىلابىي ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەپ، كاپىتالىستىك تۈزۈمگە زەربە بەرگەن. 1853-يىلى لوندوندا «ئەركىن رۇس باسمىخانىسى»نى قۇرۇپ، «قۇتۇپ يۇلتۇزى» ۋە «سىگنال» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللارنى چىقىرىپ، چار پادىشاھ تۈزۈمىنىڭ چىرىكلىكىنى پاش قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جار سالغان. لېكىن خاتا ھالدا روسىيىدە يانچىلىق تۈزۈمى يوقىتىلغاندىن كېيىن دېھقانلارنىڭ يېزا جامائەسى ئارقىلىق سوتسىيالىزمنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئېتېتىكا جەھەتتە سەنئەت بىلەن تۇرمۇش ئوتتۇرىسىدا ئايرىغىلى بولمايدىغان مۇناسىۋەت بار. ئەدەبىيات بولسا، ئىلغار ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىدىغان سۆز مۇنبىرى دەپ قاراپ، ناتۇرالىزم بىلەن «نوقۇل سەنئەت» نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا «ئۆتكەن ئىشلار ۋە چوڭقۇر مۇلاھىزە» دېگەن ئەسلىمە،«كىم ئەيىبلىك؟»، «ئوغرى سېغىزخان» قاتارلىقلارنى يازغان. ئۆلگەندىن كېيىن «ئىلمىي ماقالىلەر ۋە خەت-چەكلەر توپلىمى» ۋە باشقا ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغان.

گېررېرو

  • گېررېرو[يەشمىسى:]Guerrero Vicente، 1783 — 1831) مېكسىكا زۇڭتۇڭى (1829)، گېنېرال، لىبېراللارنىڭ سولقانات يولباشچىسى. مورېلوسنىڭ رەھبەرلىكىدە مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1829-يىلى 4-ئايدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلغان. 7 — 9-ئايلاردا ئىسپانىيىنىڭ قوراللىق تاجاۋۇزىغا قارشىلىق كۆرسىتىشنى ئۇيۇشتۇرغان. 12-ئايدا، ھاكىمىيىتى مۇتەئەسسىپ بوستامانتې (Anastasio Bustamante، 1780 — 1853) تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. ئۇ تاغلىق رايونغا قېچىپ بېرىپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. كېيىن ئالداپ قولغا ئېلىنغان، 1831-يىلى 2-ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن.

گېرزونى

  • گېرزونى[يەشمىسى:]Giuseppe Guerzoni، 1835 — 1886) ئىتالىيىنىڭ گوللىنىش ھەرىكىتى دەۋرىدىكى ئەرباب، جۇمھۇرىيەتچى مۇخبىر ۋە يازغۇچى.1859-يىلى ۋە 1866-يىلى گارىبالدى پىدائىيلار قوشۇنىغا قاتنىشىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. 1860-يىلى گارىبالدى قىزىل كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنىغا ئەگىشىپ سىتسىلىيىگە يۈرۈش قىلغان.1852-يىلى ۋە 1867-يىلى ئىككى قېتىم گارىبالدىنىڭ رىمغا يۈرۈش قىلىشىغا قاتناشقان. 1870-يىلى بىكىسئو جۈنتۇەنىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، رىمنى ئازاد قىلىشقا قاتناشقان. ئىتالىيە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، پالېرمو داشۆسى ۋە پادوۋا داشۆسىدە ئىتالىيە ئەدەبىياتى تارىخى پروفېسسورى بولغان. ئۇنىڭ ئىتالىيە تارىخى ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئاساسلىقلىرىدىن «نىنوبىكىسئونىڭ ھاياتى»، «گارىبالدى» قاتارلىقلار بار.

گېركۇلېس

  • گېركۇلېس[يەشمىسى:]قەدىمكى رىم ئەپسانىلىرىدىكى چوڭ باتۇر، پالۋان ئىلاھى. «گېراكىل» غا قاراڭ.

گېرمانلار

  • گېرمانلار[يەشمىسى:]Germani ياكى Germans)قەدىمكى زاماندا ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپانىڭ كەڭ رايونلىرىنى ئىگىلىگەن قەبىلە. ئۇلار ئۆزىنى نېمىسلار دەپ ئاتىغان، قەدىمكى رىملىقلار تەرىپىدىن گېرمانلار دەپ ئاتالغان. ئاساسەن، رېين دەرياسىنىڭ شەرقى، ۋىسلا دەرياسىنىڭ غەربى، دۇناي دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا تارقالغان؛ غەربىي قوشنىسى كېلتلار (گاللىلار Galli)شەرقىي قوشنىسى سلاۋىيانلار (Славяне) ئىدى. تىلى ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسى گېرمان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ. كۆچمەن ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ، ئۇزاققىچە ئىپتىدائىي جامائەت تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن، رىملىقلار بىلەن تۇنجى قېتىملىق مۇھىم ئۇچرىشىشى، تارىختا يېزىلىشىچە مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا سىمبرىلار(Cimbri ياك-ى Cimri) بىلەن تېۇتون (Teutones گېرمان مىللىتىگە كىرىدۇ) لارنىڭ رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىي چېگرىسىغا ھۇجۇم قىلىشى بولۇپ، ئاخىر مارىئۇس (Marius)تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كائېسار گاللىيىگە يۈرۈش قىلغاندا، شەرقتە رېين دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گېرمانىيە(Germaania) گە بېسىپ كىرگەن. شۇ چاغدا گېرمانلاردا يەر تېخىچىلا ئۇرۇق ئىگىدارلىقىدا بولۇپ، بايلىقنى كۆپىنچە چارۋا بىلەن ھېسابلايدىكەن ھەمدە باي-كەمبەغەللىك ئېنىق پەرقلەنمەيدىكەن. مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان تاستۇس (Publius Cornelius Tacitus) دەۋرىدە گېرمانلار (ھېچ بولمىغاندا بىرقىسمى) بارا-بارا كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن دېھقانچىلىققا ئۆتكەن. يەر تەقسىماتىدا تەڭسىزلىك مەيدانغا كېلىپ، ئاز سانلىق ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر ھەمىشە تېخىمۇ كۆپ يەرنى ئىگىلىۋالغان. ھەربىي ئاقساقاللار («پادىشاھ») ۋە ئۇلارنىڭ ياساۋۇللىرى ئۇرۇش قىلىشنى كەسىپ قىلىپ، ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى چەك تارتىشىپ تەقسىم قىلغان، ئاقساقاللارنىڭ ياساۋۇللارنىڭكىدىن ھەر دائىم كۆپ بولغان. گېرمانلار ئۇرۇشنى «شان-شەرەپلىك» ئىش دەپ ھېسابلاپ، «قان ئاققۇزۇپ مال-مۈلۈككە ئىگە بولاتتىكى،تەر ئاققۇزۇپ ئىگە بولمايتتى» (تاستۇسنىڭ سۆزى). ئۇرۇقداشلىق قەبىلىلىرىدە ئۇرۇق ئاقساقاللىرىدىن تەركىب تاپقان مۇھاكىمە يىغىنى ھەمدە زور ئىشلارنى قارار قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئاۋام قۇرۇلتىيى بولغان. كېيىنكىسىنى «پادىشاھ» باشقۇرۇپ، مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغاندا، ۋارقىراش ياكى قىلىچ-نەيزىلىرىنى پۇلاڭلىتىش ئارقىلىق قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرسە، ئاغرىنىش ياكى ئەپسۇسلىنىش ئاۋازى ئارقىلىق قارشى تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ مەزگىلدە، گېرمانلاردا قۇلئىشلىتىش باشلانغان، يەنى ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈمىدىكى قۇللۇق تۈزۈمى مەۋجۇت بولغان. قۇللارنىڭ كۆپىنچىسى ئەسىرلەردىن كەلگەن. كىشىلەر قەرز بېرىپ ئۆسۈم ئېلىش ۋە جازانىخورلۇقنى بىلمىگەن. ئومۇمەن، ئۇلار ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى مىلتارىستلار دېموكراتىيىسى تۈزۈمى باسقۇچىدا تۇراتتى. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ بوھرانغا پېتىپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، گېرمانلار شىمالدىكى دۇناي دەرياسى ۋادىسىدىن ئۈزلۈكسىز چېگرىغا بېسىپ كىرىپ ۋە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى (مىلادى Ⅲ ئەسىردىن Ⅴ ئەسىرگىچە) دە، رېين دەرياسىنىڭ شەرقىغە تارقالغان گېرمان مىللەتلىرى، ئاساسلىقى، فرانكلار، ئالېمان (Alemanni ياكى Alemans) لار، لومباردلار، ئانگلولار، ساكسونلار، سۇئېۋې (Sueves ياكى Suebi) لار ۋانداللار ۋە دۇناي دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى ھەمدە قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا كۆچۈپ كەلگەن گوتلار ئىدى. كۆپلىگەن گېرمانلار رىم قوشۇنىدا ئوفىتسېر ۋە ئەسكەر بولغان، بەزىلىرى رىم قورۇقلىرىدا مەدىكار بولغان، «ۋارۋارلار»نىڭ كۆچۈشى ۋە غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاك بولۇشى جەريانىدا گېرمانلار مۇھىم رول ئوينىغان، ئۇلار شۇنداقلا غەربىي رىمنىڭ بۇرۇنقى جايلىرىدا ھەرقايسى «ۋارۋارلار» پادىشاھلىقىنىڭ ئاساسىيكۈچىنى تۇرغۇزۇپ چىققان.«مىللەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۆچۈشى» گە قارالسۇن.

گېرمانوس

  • گېرمانوس[يەشمىسى:]Germanos، 1771 — 1826) گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى يول باشچىلىرىدىن بىرى، پاترىنىڭ باش ئېپىسكوپى. خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا، 1821-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى گرېتسىيىنىڭ جەنۇبىدا مورېئادىكى سېن لائور مۇناستىرىدا گرېكلارنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مىللىي قوزغىلىڭىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان. كېيىن مۇتەئەسسىپلەر گۇرۇھىنىڭ ئەزاسى بولۇپ قالغان.لېكىن گرېتسىيە بۇرژۇئا تارىخلىرىدا، 1821 — 1829-يىللاردىكى مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ تەشەببۇسچىسى دەپ قارالغان.

گېرمانىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاق ئۇيۇشمىسى

  • گېرمانىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاق ئۇيۇشمىسى[يەشمىسى:]1936-يىلى ئامېرىكىدا پەيدا بولغان فاشىست تەشكىلات. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى 200 مىڭغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 25 مىڭ كىشى ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئالغان ناتسىستلاردىن ئىبارەت. ئىتتىپاقنىڭ زەربىدارلىرى ھەمىشە سېرىق كۆڭلەك كىيىپ،  بەلگىلىك يەڭ بەلگىسى تاقاپ، قولدا توقماق ئېلىپ، ئاشكارا نامايىش ئۆتكۈزۈپ تۇرغان. بىر قىسىم كىشىلەر جاسۇسلۇق ھەرىكەت بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. 1941-يىلى پيورل خاربور ۋەقەسىدىن كېيىن مەنئى قىلىنغان.

گېرمانىيە-ئاۋسترىيە چېگرا بېجى ئىتتىپاقى

  • گېرمانىيە-ئاۋسترىيە چېگرا بېجى ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيە چېگرا بېجىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش نامىدا قۇرغان ئىقتىسادىي ئىتتىپاق. گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيە ھۆكۈمەتلىرى 1931-يىل 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋېنادا «ئاۋسترىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ چېگرا بېجى تۈزۈمىنى بىر تۇتاش بەلگىلەش توغرىسىدىكى كېلىشىمنامە» نى ئىمزالىغان. ئۇنىڭدا چېگرا بېجىنى ئېلىپ تاشلاش، ئىككى دۆلەت مال ئالماشتۇرغاندا بىر-بىرىدىن ھېچقانداق ئىمپورت-ئېكسپورت بېجىنى ئالماسلىق، ئىككى دۆلەت بىرلىكتە بىرلىككە كەلگەن چېگرا بېجى قانۇنىنى تۈزۈش ۋە بىردەك باج نىسبىتىنى كېڭىشىش بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭ ماھىيىتى شەرتنامە ئارقىلىق گېرمانىيە-ئاۋسترىيە چېگرا بېجى ئىتتىپاقىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ قوشۇلۇشىدىكى مۇھىم بىر قەدەم. فرانسىيە مەزكۇر چېگرا بېجى كېلىشىمنامىسىگە قەتئىي قارشى تۇرغان. 1931-يىل 9-ئاينىڭ 5-كۈنى گراۋېناگې خەلقئارا كېسىم سوت مەھكىمىسى چېگرا بېجى ئىتتىپاقىنىڭ «سان گېرمانىيە سۈلھ شەرتنامىسى» دىكى گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ قوشۇلۇشىنى مەنئى قىلىش ۋە 1922-يىل 10-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى «جەنۋە كېلىشىمى» دىكى گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى قۇرۇشىغا يول قويماسلىق توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. شۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، يەنى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى گېرمانىيە-ئاۋسترىيە ھۆكۈمەتلىرى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بېسىمى ئاستىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت چېگرا بېجى ئىتتىپاقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان. لېكىن گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ قوشۇلۇش ھەرىكىتى شۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىغان.

گېرمانىيە-ئاۋسترىيە كېلىشىمى

  • گېرمانىيە-ئاۋسترىيە كېلىشىمى[يەشمىسى:] گېرمانىيە-ئاۋسترىيە ئالىيجانابلار كېلىشىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فاشىست گېرمانىيىسى ساختىپەزلىك بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھۈرمەتلەيمىز دەپ، ئاۋسترىيە بىلەن تۈزگەن ئىككى تەرەپ كېلىشىمى. 1936-يىل 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىمزالانغان. كېلىشىمدە گېرمانىيىنىڭ ئاۋسترىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۈرمەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقى، ئاۋسترىيىنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتە ئۆزىنىڭ «گېرمانىيە دۆلىتى» بولۇش پرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىر مەخپىي ماددا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭدا ئاۋسترىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا گېرمانىيە نازارەت قىلىدۇ، ناتسىستلار ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتىگە قاتناشتۇرۇلۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. كېلىشىم گىتلېرنىڭ ئاۋسترىيىنى يۇتۇۋېلىش يولىدىكى مۇھىم بىر باسقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

گېرمانىيە-ئاۋسترىيە ئىتتىپاق شەرتنامىسى

  • گېرمانىيە-ئاۋسترىيە ئىتتىپاق شەرتنامىسى[يەشمىسى:] «ۋېنا شەرتنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1879-يىلى گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ۋېنادا تۈزگەن مەخپىي ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى. ⅪⅩ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، گېرمانىيە بىلەن روسىيىنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلاشقان. ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا بالقان رايونىدا كەسكىن زىددىيەت بولغان. روسىيىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، فرانسىيىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيە 1879-يىل 10-ئاينىڭ 7-كۈنى ۋېنادا بۇ شەرتنامىنى ئىمزالىغان. شەرتنامىدە: شەرتنامىنى ئىمزالىغان بىر تەرەپ مۇبادا روسىيىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، ئىككىنچى تەرەپ ئۇنىڭغا ھەربىي ياردەم بېرىشى كېرەك؛ ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان چاغدا، شەرتنامىنى ئىمزالىغان يەنە بىر تەرەپ بىتەرەپ تۇرۇشى لازىم. ئەگەر تاجاۋۇز قىلغۇچى دۆلەت روسىيىنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولغاندا، بىتەرەپ مەيداندىن ئۆزگىرىپ، پائال ياردەم بېرىشى لازىم، دەپ بەلگىلەنگەن. ئىتتىپاق شەرتنامىسىنىڭ قەرەلى بەش يىل بولغان، ئەگەر ئىككى تەرەپ بۇ شەرتنامىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىمىسا، ئۇنىڭ قەرەلى ئۆزلۈكىدىن ئۈچ يىل ئۇزارتىلىدىغان بولغان. كېيىن بۇ شەرتنامىنىڭ قەرەلى قايتا-قايتا ئۇزارتىلغانلىقتىن، ئەمەلىيەتتە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇلغان.

گېرمانىيە ئەمگەكچىلەر سېپى

  • گېرمانىيە ئەمگەكچىلەر سېپى[يەشمىسى:] ناتسىستلار گېرمانىيىسى ئىشچىلارنى تىزگىنلەش مەقسىتىدە قۇرغان فاشىستىك تەشكىلات. 1933-يىل 5-ئاينىڭ 10-كۈنى گىتلېرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن، روبېرت لېي (Robert Ley، 1890 — 1945) نىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان. ئەمگەكچىلەر سېپى مەملىكەت ئىچىدىكى ئەسلىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ ئورنىنى باسقان. ئۇنىڭغا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قاتنىشىشى كېرەك، دەپ زورموزور بەلگىلەنگەن. 1933-يىلنىڭ ئاخىرىدىن كېيىن كارخانا ئىگىلىرى ئەمگەكچىلەر سېپىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى — پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچىلارنى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇش ھەمدە ئۇلارغا فاشىستىك ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلات ناتسىستلار ھاكىمىيىتىنىڭ ياللانما ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ئىبارەت. 1936-يىلغا قەدەر ئەزاسى 20 مىليونغا يەتكەن. 1945-يىلى 10-ئايدا تارقىتىۋېتىلگەن.

گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ قوشۇلۇشى

  • گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ قوشۇلۇشى[يەشمىسى:] 1938-يىلى 3-ئايدا فاشىست گېرمانىيىنىڭ ئاۋسترىيىنى يۇتۇۋېلىش ۋەقەسى. «مۇقەددەس گېرمانلار سۈلھ شەرتنامىسى» دا گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ قوشۇلۇشى مەنئى قىلىنغان. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن «بۈيۈك گېرمانىيە» نىڭ كېڭەيمىچىلىك پىلانىنى يولغا قويغان. 1934-يىلى 7-ئايدا گىتلېر ئاۋسترىيىدىكى فاشىستلارنى توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇترىتىپ، ئاۋسترىيە زۇڭلىسى دوللفۇسنى ئۆلتۈرۈپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان. سىياسىي ئۆزگىرىش ئىتالىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشمىغان. 1938-يىلى 2-ۋە 3-ئايلاردا گىتلېر ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىنىڭ تىنچلاندۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئاۋسترىيىگە ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، ئاۋسترىيىنى ناتسىستپەرەس ھاكىمىيەت قۇرۇشقا مەجبۇرلىغان. 3-ئاينىڭ 12-كۈنى گېرمانىيە ئاۋسترىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇنى گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ قوشۇلۇش «ھۈججىتى» گە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلاپ، ئاۋسترىيىنى گېرمانىيىنىڭ بىر «ئۆلكىسى» دەپ جاكارلىغان. ئاۋسترىيە شۇنىڭ بىلەن مۇستەقىل دۆلەتلىك ئورنىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولغان.

گېرمانىيە-پولشا ئۇرۇشى

  • گېرمانىيە-پولشا ئۇرۇشى[يەشمىسى:] فاشىست گېرمانىيىنىڭ پولشاغا تاجاۋۇز قىلغان ئۇرۇشى. 1939-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت بىردىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە گېرمانىيە ئۇرۇش ئېلان قىلماي تۇرۇپلا پولشاغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغىغان. شۇ ئاينىڭ 3-كۈنى ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغان. 9-ئاينىڭ 27-كۈنى گېرمانىيە قوشۇنى زور چىقىم بەدىلىگە ۋارشاۋا شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. پولشا قوشۇنىدىن 120 مىڭ كىشى تەسلىم بولغان. پولشانىڭ باشقا جايلىرىدىكى قوشۇنلىرىمۇ 10-ئاينىڭ باشلىرىغىچە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇرۇش بىر ئاي داۋام قىلمايلا، پولشا مۇنقەرز بولغان. بۇ گېرمانىيىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن برونۋىك قىسىملىرى بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان «چاقماق تېزلىكىدىكى جەڭ» دە تۇنجى قېتىم قازانغان مۇۋەپپەقىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

گېرمانىيە-پولشا ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى

  • گېرمانىيە-پولشا ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى[يەشمىسى:] تولۇق ئاتىلىشى «گېرمانىيە بىلەن پولشا ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق ۋە يارىشىپ قېلىش خىتابنامىسى». گېرمانىيە بىلەن پولشا 1934-يىل 1-ئاينىڭ 26-كۈنى بېرلىندا ئىمزالىغان، شۇ يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى: شەرتنامىنى ئىمزالىغۇچى ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشنى قورال كۈچىنى ئىشلەتمەي، تىنچ يول بىلەن كېڭىشىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن فرانسىيىنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى ئىتتىپاق سىستېمىسىنىڭ يوچۇقى ئېچىلىپ، تۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان شەرق ئەھدىنامىسىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىلگەن. 1939-يىل 4-ئاينىڭ 28-كۈنى گېرمانىيە پولشانىڭ ئەنگلىيىگە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى ئەنگلىيە-گېرمانىيە توقۇنۇشىدا «گېرمانىيىگە تاجاۋۇز قىلىشقا قاتنىشىش» قا تەييارلىق قىلغانلىق دېگەننى باھانە قىلىپ، مەزكۇر شەرتنامىنى بىكار قىلغانلىقىن-ى جاكارلىغان.

گېرمانىيە تەزكىرىسى

  • گېرمانىيە تەزكىرىسى[يەشمىسى:] كىتاب ئىسمى. تولۇق ئاتىلىشى «گېرمانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، تارقالغان رايونلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەققىدە». قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى تارىخشۇناس تاستۇس يازغان. تەخمىنەن مىلادى 98-يىلى يازغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ يەنە بىر ئەسىرى — «ئاگرىكولا تەرجىمىھالى» نىڭ يەنە بىر قىسمى قىلىنغان. پۈتۈن كىتاب 46 پاراگراف بولۇپ، ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، 1-پاراگرافتىن 27-پاراگرافقىچە ئومۇمىي بايان سۆزلەنگەن، 28-پاراگرافتىن 46-پاراگرافقىچە ئوخشاش بولمىغان ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئەھۋالى ئايرىم-ئايرىم خاتىرىلەنگەن. گېرمان قەبىلىلىرىنىڭ تارقىلىشى، ئىقتىسادىي تۇرمۇشى، سىياسىي تەشكىلاتلىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە دىنىي ئېتىقادلىرى قاتارلىقلار ھەققىدە بىرقەدەر تەپسىلىي ۋە ئېنىق مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، كېيىنكىلەرنىڭ قەدىمكى گېرمانلارنى تەتقىق قىلىشىدىكى مۇھىم تارىخىي ھۈججەت ھېسابلىنىدۇ. ئېنگېلس «ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى»، «قەدىمكى گېرمانلارنىڭ تارىخى ھەققىدە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە بۇ كىتابتىكى ماتېرىياللاردىن كۆپلەپ نەقىل كەلتۈرگەن. خەنزۇچە تەرجىمىسىمۇ بار.

گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتى

  • گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:] يەنى «ۋېيما جۇمھۇرىيىتى»

گېرمانىيە خەلق پارتىيىسى

  • گېرمانىيە خەلق پارتىيىسى[يەشمىسى:]1) گېرمانىيىدىكى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە دېموكراتلار پارتىيىسى. 1868-يىلى گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى دېموكراتىك خەلق پارتىيىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان، شۇڭا ئۇ «جەنۇبىي گېرمانىيە خەلق پارتىيىسى» دەپ ئاتالغان. دەسلەپتە ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، پرۇسسىيىنىڭ گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدىكى رەھبەرلىك ھوقۇقىغا قارشى تۇرغان، ئاۋسترىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بۈيۈك گېرمانىيە» پىلانىدا چىڭ تۇرغان؛ بىرلىككە كەلگەن دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، شۋېتسارىيىچە فېدېراتىپ تۈزۈمى ئاساسىدىكى دۆلەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، بۇ، جەنۇبىي گېرمانىيىدىكى ھەرقايسى شتاتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش يولىدىكى ئىرادىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرگەن. 1910-يىلى ئەركىن پىكىرلىكلەر پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ، تەرەققىيپەرۋەر خەلق پارتىيىسى بولغان. (2) گېرمانىيىدىكى چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ پارتىيىسى. 1918-يىلى گېرمانىيە مىللىي ئەركىنلىك پارتىيىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان. ئاساسلىق رەھبەرلەردىن سىتلىسمان قاتارلىقلار بار. بۇ پارتىيە مىللىي ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تەرەققىيپەرۋەر كۈچلەرگە قارشى تۇرۇپ، كاپىتالىستىك مونوپول گۇرۇھىنى قوللىغان، گېرمانىيىنىڭ ھەربىي سانائىتىنى قايتا گۈللەندۈرۈش، «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1928 — 1933-يىللىرى گېرمانىيىدە سىنىپىي كۈرەش جىددىيلەشكەن ۋەزىيەتتە، باشقا ئەكسىيەتچىل پارتىيىلەر بىلەن سىياسىي ئىتتىپاق تۈزۈپ، گىتلېر فاشىستلىرىنى قوللىغان. فاشىستىك دىكتاتۇرا ئورنىتىلغاندىن كېيىن 1933-يىلى 6-ئايدا ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەن.

گېرمانىيە خەلق سېپى

  • گېرمانىيە خەلق سېپى[يەشمىسى:]ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى گېرمانىيە خەلقىنىڭ فاشىستلارغا قارشى بىرلىك سېپى. 1935-يىلى، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 7-قۇرۇلتىيى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ فاشىستلارغا قارشى كۈرىشىنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، فاشىستلارغا قارشى كەڭ تۈردە خەلق سېپى قۇرۇشنى چاقىرغان. گېرمانىيە كومپارتىيىسى شۇنىڭغا ئاساسەن يېڭى فاڭجېن تۈزگەن. كېيىن، گېرمانىيىنىڭ چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن كوممۇنىستلىرى، سوتسىيال دېموكراتلار ۋە بۇرژۇئا دېموكراتىك زاتلىرى فاشىستلارغا قارشى خەلق سېپى قۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلاشقان. 1936-يىلى پارىژدا گېرمانىيە خەلق سېپىگە تەييارلىق كۆرۈش ھەيئىتى قۇرۇلغان. ئىككىنچى يىلى 1-ئايدا سوتسىيال دېموكراتلار، كوممۇنىستلار ۋە زىيالىيلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 67 كىشى ئىمزا قويغان گېرمانىيە خەلق سېپىنى قولغا كەلتۈرۈش چاقىرىقنامىسى ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە بېرلىندا مەخپىي گېرمانىيە خەلق سېپى تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، «ئون نۇقتىلىق پروگرامما» نى ئېلان قىلىپ، گىتلېرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى چاقىرىق قىلغان. لېكىن ھەرىكەت تېخىمۇ كەڭ تۈردە تەرەققىي قىلالمىغان.

گېرمانىيە دۆلەت سوتسىيالىست ئىشچىلار پارتىيىسى

  • گېرمانىيە دۆلەت سوتسىيالىست ئىشچىلار پارتىيىسى[يەشمىسى:] يەنى«گېرمانىيە مىللىي سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى» نىڭ كونا تەرجىمىسى.

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى

  • گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى[يەشمىسى:] فاشىست گېرمانىيە 1935-يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى مەخپىي جاكارلىغان قانۇن. ئۇنىڭدا گىتلېرغا دۆلەتتە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك قىلىش ۋە ئۇرۇش ئېلان قىلىشنى بەلگىلەشتىن ئىبارەت چوڭ ھوقۇق بېرىلگەن. ھەربىي ۋە خەلق ئىشلار دائىرىلىرىنىڭ ئۇرۇشقا ھازىرلىق كۆرۈش، ئۇرۇشنى قوزغاش ۋە ئېلىپ بېرىش داۋامىدىكى ۋەزىپىلىرى؛ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي سەپەرۋەرلىكنى يولغا قويۇش يولىدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرى ۋە ئۇرۇش ئىگىلىكى خىزمەتلىرى بەلگىلەنگەن. 1946-يىلى نيۇرىنبېرگ خەلقئارا ھەربىي سوتى ئۇنى فاشىست گېرمانىيىنىڭ ئۇرۇش ھازىرلىقىنىڭ ئاساسى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيە جەمئىيىتى

  • گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيە جەمئىيىتى[يەشمىسى:]گېرمانىيە جاھانگىرلىكىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك كېڭەيمىچىلىك قىلىشتىكى تەشۋىقات ئاپپاراتى. 1898-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان. بىر مىليوندىن ئارتۇق ئەزاغا ئىگە بولۇپ، ئەزالىرىنىڭ تولىسى ئۇششاق بۇرژۇئازلار. دۇنياغا خوجا بولۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك فلوت قۇرۇپ، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىپ، دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئىگىلەشنى تەشەببۇس قىلغان؛ مۇستەملىكىچىلىك-كېڭەيمىچىلكنى ھەدەپ تەرغىپ قىلغان. ئۇنىڭ مەقسىتى گېرمانىيە مونوپول گۇرۇھىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولغاچقا، سانائەت كاتتىباشلىرىنىڭ ماددىي ياردىمى ۋە زور يار-يۆلىكىگە ئىگە بولغان. 1934-يىلى تارقىتىلغان.

گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسى قوزغىلىڭى

  • گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسى قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]گېرمانىيە ماتروسلىرىنىڭ ئۇرۇشقا قارشى قوزغىلىڭى. رېخبىچ، كېبىسلار رەھبەرلىك قىلغان. 1917-يىلى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، گېرمانىيىدە ئىنقىلابىي ۋەزىيەت يۈكسەلگەن. 8-ئاينىڭ باشلىرىدا، قولغا ئېلىنغان يولداشلىرىنى ئازاد قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋېليام پورتىدىكى ماتروسلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. «نائىب شاھ لىئوپولد»ناملىق ئاساسىي پاراخوتتىكى ماتروسلار قوماندانلىققا بويسۇنۇشنى رەت قىلىپ، پاراخوتتىن كوللېكتىپ ھالدا ئايرىلىپ قۇرۇقلۇققا چىققان ھەمدە ئەكسىيەتچى ئوفىتسېرلارنى جازالىغان. بۇ ھەرىكەت باشقا فلوت ۋە پاراخوتلارغىچە تېز كېڭەيگەن. قوزغىلاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىلاشمىغانلىقتىن، تېزلىكتە ھەربىي دائىرىلەر تەرىپىدىن دەھشەتلىك باستۇرۇلغان. رېخبىچ، كېبىس قاتارلىق ئون نەپەر ماتروسقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. تەخمىنەن 50 نەپەر ماتروسقا قاماق جازاسى بېرىلگەن ۋە ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغان. لېنىن بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنى «پۈتۈن دۇنيا ئىنقىلابى ھارپىسىنىڭ بەلگىسى» دەپ ئاتىغان.

گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى

  • گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى[يەشمىسى:] گېرمانىيە دېھقانلىرىنىڭ 1524 — 1525-يىللاردىكى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلىڭى. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، گېرمانىيىدە سودا-سانائەت ئىگىلىكى يەنىمۇ راۋاجلانغان، كاپىتالىزم ئامىللىرى پەيدىنپەي يېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن سىياسىي جەھەتتە ئېغىر دەرىجىدە بۆلۈنۈش ھالىتىدە تۇرغان. دىنىي ۋە دەھرىي بەگلىكلىرى فېئودال ئىمتىيازنى جېنىنىڭ بارىچە قوغداپ، دېھقانلارغا بولغان ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ۋە ئېزىشنى كۈچەيتكەن. بۇنىڭ ئارقىسدا، پارچىلىنىشقا باشلىغان يانچىلىق تۈزۈمى ھەرقايسى جايلاردا بولۇپمۇ شەرقىي جەنۇبىي رايوندا ۋە ئوتتۇرا قىسىمدا يەنە ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان. دېھقانلارنىڭ فېئوداللىققا قارشى كۈرىشى ئالدى بىلەن مەخپىي تەشكىلات «كەش جەمئىيىتى»ۋە «نامرات كونراد» شەكلىدە غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا پائالىيەت قىلغان. كېيىن دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنى يېتەكچى قىلىپ، كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. ئۇنىڭغا دېھقانلار ۋە شەھەردىكى ئاددىي پۇقرالاردىن باشقا شەھەر ئاھالىلىرى ۋە رىتسارلارمۇ قاتناشقان. مۇنزېر دېھقانلار ۋە ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئاتاغلىق رەھبىرى بولغان. 1524-يىلى يازدا، قوزغىلاڭ ھەممىدىن ئاۋۋال سۋابىيە (Schwaben) نىڭ جەنۇبىدىكى سىۋارزۋالد (Schwarzwald) رايونىدا پارتلىغان. شۇ يىلى قىشنىڭ ئاخىرى ۋە ئىككىنچى يىلى باش ئەتىيازدا مۇشۇ رايوندىكى مۇنزېر مۇرىتلىرى تۇنجى قوزغىلاڭ پروگراممىسى — «مەكتۇپ»نى تۈزۈپ چىققان. ئۇزۇن ئۆتمەي، قوزغىلاڭ پۈتكۈل سۋابىيىگىچە كېڭىيىپ كەتكەن. قوزغىلاڭچىلار نەچچە ئون مىڭغا يەتكەن. 1525-يىلى 3-ئايدا قوزغىلاڭنىڭ يەنە بىر پروگراممىسى «12 ماددا» تۈزۈلۈپ، فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيىنى يېنىكلىتىش تەلەپ قىلىنغان. لېكىن بۇ پروگراممىدا ھاللىق دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى كۆپرەك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. 4-ئايدا سۋابىيىدىكى قوزغىلاڭ ترۇخىزىس باشچىلىقىدىكى سۋابىيە ئىتتىپاقچى ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. شۇ يىلى 3-ۋە 4-ئايلاردا فرانكونىيىدە يېڭى قوزغىلاڭ پارتلىغان. قوزغىلاڭچىلارنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ، رەھبەرلىك ھوقۇقى كۆپىنچە پۇقرالار ۋە رىتسارلارنىڭ قولىدا بولغان. 5-ئايدا تۈزۈلگەن «ھېيلبرون پروگراممىسى»دىمۇ ئاساسەن شەھەر ئاھالىلىرى ۋە رىتسارلارنىڭ مەنپەئىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. 6-ئايدا فرانكونىيىدىكى قوزغىلاڭ يەنە ترۇخزىس تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. 1525-يىلى 3-ئايدا تيۇرىنگىيە-ساكسونىيىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. ئۇنىڭغا مۇنزىر رەھبەرلىك قىلغان. قوزغىلاڭچىلار 4-ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 5-ئاينىڭ باشلىرىدا مىلخاۋسېن (Mulhausen) شەھىرىدە ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت ئورگىنى — مەڭگۈلۈك كېڭەشنى قۇرغان. 5-ئاينىڭ 15-كۈنى فرانكېنخاۋسېن (Frankenhausen)جېڭىدە قوزغىلاڭچى ئارمىيە بەگلىكلەر بىرلەشمە قوشۇنىغا قارشى جىددىي جەڭ قىلىپ، يېڭىلىپ قالغان. مۇنزىر ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلگەن. 1525-يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1526-يىلنىڭ باشلىرىغىچە گەسمېر تىرول ۋە زالتسبۇرگ ئېپىسكوپ رايونىدا كانچىلار ۋە دېھقانلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە قوزغىغان بولسىمۇ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى فېئوداللىق تۈزۈمىگە زەربە بەرگەن. كاتولىك دىنىنىڭ گېرمانىيىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تەۋرەتكەن. مەغلۇپ بولۇشتىكى سەۋەب شۇكى، جايلاردىكى دېھقانلار كەڭ بىرلىشىپ، ئورتاق ھەرىكەت قىلالمىغان؛ قوزغىلاڭغا قاتناشقان شەھەر ئاھالىلىرى ۋە رىتسارلارنىڭ تەۋرەپ قالغانلىقى ۋە يۈز ئۆرىگەنلىكىمۇ قوزغىلاڭچىلار كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان.

گېرمانىيە ستودېنتلىرى جەمئىيىتى

  • گېرمانىيە ستودېنتلىرى جەمئىيىتى[يەشمىسى:]گېرمانىيە ۋەتەنپەرۋەر ئوقۇغۇچىلىرى ھەرىكىتىنىڭ ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى يادرو تەشكىلاتى. 1815-يىلى 6-ئايدا يېنادا قۇرۇلغان، فېئودال ئىستېبداتلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلغان، سىياسىي ئەركىنلىكنى ۋە مىللىي بىرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان. ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ناپولېئونغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1817-يىلى 10-ئايدا 12 داشۆدىن كەلگەن 500 ئەزا ۋاتپورگ شەھىرىدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى جىددىي تەلەپ قىلغان. لېكىن ئەزالىرى مۇرەككەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېنىق پروگراممىسى بولمىغاچقا، قويۇق رومانتىزىم ۋە كۈچلۈك شوۋىنىزم تۈسىنى ئالغان، ئامما ئارىسىدىكى تەسىرى چاغلىق بولغان. 1819-يىلى 9-ئايدا گېرمانىيە ئىتتىپاقى پارلامېنتى «كارلىسباد قارارى»نى ماقۇللاپ، جەمئىيەتنى تارقىتىۋەتكەن. كېيىن گېرمانىيىدە ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي ھەرىكەتلەردە ئوخشاش بولمىغان تەشكىلات نامى بىلەن كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان.

گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى

  • گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى[يەشمىسى:] گېرمانىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ پارتىيىسى. 1890-يىلى «سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن »بىكار قىلىنغاندىن كېيىن گېرمانىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى پارتىيە ئىچىدىكى ئوڭچىل ئاغمىچىلىق ئىدىيىسىنى تۈگىتىپ، يېڭى تەشكىلاتنى يېڭىباشتىن قۇرۇش ۋە يېڭى پروگراممىنى تۈزۈش ئۈچۈن شۇ يىلى 10-ئايدا ھاللېدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايدا نامىنى «گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى» قىلىپ ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغان. 1891-يىلى 10-ئايدىكى ئېرفۇرت قۇرۇلتىيىدا «سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ 1891-يىللىق پروگراممىسى»يەنى «ئېرفۇرت پروگراممىسى» مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە ماقۇللانغان. 1895-يىلى پارتىيە ئىچىدە بېرنىشتېين رېۋىئونىزملىق پىكىر ئېقىمى پەيدا بولغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پارتىيە ئىچىدە سولچىلار، ئارىلىقتىكىلەر، ئوڭچىلاردىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇھ شەكىللەنگەن. ئەمەلىيەتتە پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى بېرنىشتېين باشچىلىقىدىكى ئوڭچىلار ۋە كائۇتىسكى باشچىلىقىدىكىئارىلىقتىكىلەر تارتىۋالغان، ئۇلار رېۋىئونىزملىق يىلىق لۇشيەنىنى پائال يولغا قويغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇش سىياسىتىنى كۈچىنىڭ بارىچە قوللاپ، سوتسىيال شوۋىنىزملىق تەشكىلاتقا ئايلانغان. 1916-يىلى كارل لىبكنېخت، رۇزا ليوكسېمبۇرگ ۋەكىللىكىدىكى سولچىلار سپارتاكچىلارنى تەشكىل قىلغان ھەمدە 1918-يىلى 11-ئايدا سپارتاك ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، گېرمانىيىدىكى ئىنقىلابىي خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرغان. 1918-يىلى 12-ئايدا سپارتاك ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىكىدە گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغان. ئېبېرت باشچىلىقىدىكى ئوڭ قانات رەھبەرلەر چوڭ بۇرژۇئازلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ نويابىر ئىنقىلابىنى باستۇرغان ھەمدە ھۆكۈمەت (1920-يىلى 6-ئايدىن ئىلگىرى) تەشكىل قىلغان. ۋېيمار جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ئۆكتىچى ئورۇندا تۇرغان. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن 1933-يىلى 6-ئايدا تەقىپ قىلىنغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دېموكراتىك گېرمانىيىدە 1946-يىلى 4-ئايدا كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن بىرلىشىپ، گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان. فېدېراتىپ گېرمانىيىدە 1946-يىلى 5-ئايدا گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى يېڭىباشتىن قۇرۇلغان.

گېرمانىيە سوتسىيال دېموكرات ئىشچىلار پارتىيىسى

  • گېرمانىيە سوتسىيال دېموكرات ئىشچىلار پارتىيىسى[يەشمىسى:]گېرمانىيىنىڭ تۇنجى ئىشچىلار سىنىپى پارتىيىسى. 1869-يىلى 8-ئايدا ئېيزىناختا (Eisenach) چاقىرىلغان پۈتۈن گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئىشچىلار قۇرۇلتىيىدا قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. شۇڭا «ئېيزىناخچىلار» دەپمۇ ئاتالغان. ئاساسىي رەھبەرلەردىن ئا. بېبېل، ۋېلھېلم لىبكنېخت قاتارلىقلار بار. پارتىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، پارتىيە ئەزاسى 10 مىڭدىن ئاشقان. ئۇنىڭ پروگراممىسى ئاساسلىق مەسىلىلەردە ماركسىزملىق كۆز قاراشنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بەزى جەھەتلەردە يەنىلا لاسسال ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقاندىن كېيىن ماركس، ئېنگېلسلارنىڭ ياردىمى بىلەن لاسسالچىلارغا قارشى كەسكىن كۈرەش قىلغان. يۇنكېر پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە ئىنقىلاب قىلىش يولى بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، پارىژ كوممۇنىسىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن. پارتىيىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى «دېموكراتىيە ھەپتىلىك ژۇرنىلى» (1869-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ «خەلق دۆلىتى» گېزىتكە ئۆزگەرتىلگەن) چىقىرىلغان. ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ بىرلىكىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا تەكىتلىگەنلىكى ئۈچۈن لاسسالچىلار بىلەن پرىنسىپسىز مۇرەسسە قىلغان ۋە ئۇلارغا يول قويغان. 1875-يىلى 5-ئايدا گوتادا چاقىرىلغان قۇرۇلتايدا لاسسالچىلار بىلەن بىرلىشىپ، گېرمانىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىنى (1890-يىلى گېرمانىيە سوتسىيال-دېموكراتلار پارتىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن) قۇرغان.

گېرمانىيە-فرانسىيە يىللىق مەجمۇئەسى

  • گېرمانىيە-فرانسىيە يىللىق مەجمۇئەسى[يەشمىسى:]1844-يىلى 2-ئايدا پارىژدا نەشىر قىلىنغان نېمىسچە ژۇرنال. ماركس بىلەن رۇگې مۇھەررىر بولغان. 1-ۋە 2-سانلارنىڭ قوشما سانىلا چىقىرىلغان. ئۇنىڭغا ماركسنىڭ «<گېگېلنىڭ قانۇن پەلسەپىسىگە تەنقىدى> گە مۇقەددىمە»، «يەھۇدىيلار مەسىلىسى ھەققىدە» دېگەن ئەسەرلىرى ۋە ئېنگېلسنىڭ «سىياسىي ئىقتىسادقا تەنقىد پروگراممىسى»، «ئەنگلىيىنىڭ ئەھۋالى. توماس كالېلنىڭ <ئۆتمۈشى ۋە ھازىرى> غا باھا»قاتارلىق مۇھىم ماقالىلىرى بېسىلغان. بۇ ئەسەرلەر ماركس بىلەن ئېنگېلسنىڭ ئىدېئالىزم ۋە ئىنقىلابىي دېموكراتىزمدىن ماتېرىيالىزم ۋە كوممۇنىزمغا ئۆتكەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كېيىن ماركس بىلەن رۇگې ئوتتۇرىسىدا پرىنسىپال ئىختىلاپ ساقلانغانلىقى ئۈچۈن بۇ ژۇرنال نەشىردىن توختىتىلغان.

گېرمانىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى

  • گېرمانىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى[يەشمىسى:] گېرمانىيە يۇنكېر پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ پارتىيىسى. 1876-يىلى قۇرۇلغان. تەكتى ئەھلىسەلىپ گېزىتى پارتىيىسى (يەنى پرۇسسىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى) پرۇسسىيە مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسىنى پرۇسسىيە شتاتلىق پارلامېنتىدىكى ئىنتايىن ئوڭچىل پادىشاھپەرەسلەر 1848-1849-يىللاردىكى ئىنقىلابقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان. ئۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي ھاياتىدا رەھبەرلىك ئورنىدا تۇرۇپ، شەرقىي پرۇسسىيە، ساكسۇنىيە قاتارلىق جايلاردىكى يۇنكېر پومېشچىكلار، بيۇروكراتلار، مىلىتارىستلار ۋە ليۇتېر مەزھىپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك راھىبلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە ئىچىدە مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇنىڭ سىياسىي پروگراممىسى شوۋىنىزم ۋە مىلىتارىزم تۈسىنى ئالغان بولۇپ، پرۇسسىيىدىكى فېئودال قالدۇقلارنى ۋە ئەكسىيەتچىل سىياسىي تۈزۈملەرنى ساقلاپ قېلىشنى، گېرمانىيىنى پرۇسسىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە يۈنكېر پومېشچىكلارنىڭ ئىمتىيازىنى قوغداش ئۈچۈن بىسمارك ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە ئوڭ جەھەتتىن قارشى تۇرغان. بۇ پارتىيە ئىچىدىكى مۆتىدىللەر 1876-يىلى گېرمانىيە كونسېرۋاتىىپلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ، بىسماركنىڭ سىياسەتلىرىنى پائال قوللاپ، ئىمپېرىيىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى بولۇپ قالغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيىدىكى مونوپول بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىنى ھەدەپ قوغداپ، چەت ئەلگە تاجاۋۇز قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. 1907 — 1909-يىللىرى بيۇلوۋ ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە مەركىزىي پارتىيە بىلەن «قارا-كۆك ئىتتىپاق»نى قۇرۇپ، بېدمان ھورۋېك ھۆكۈمىتىنى قوللاپ، بارلىق ئىجتىمائىي ئىسلاھاتقا قارشى تۇرغان. 1918-يىلى گېرمانىيىنىڭ نويابىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، مەزكۇر پارتىيە ئەركىن كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ گېرمانىيە مىللىي خەلق پارتىيىسىنى قۇرغان. ئورگان گېزىتى «ئەھلىسەلىپ».

گېرمانىيە مەكتەپلەر ئىتتىپاقى

  • گېرمانىيە مەكتەپلەر ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] ئاۋسترىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئەكسىيەتچىل مەدەنىيەت تەشكىلاتى. 1880-يىلى قۇرۇلغان. بۈيۈك نېمىس مىللىتىنىڭ شوۋىنىزملىق ئىدىيىسىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، نېمىسلارنىڭ زىسلېتانىي-ە (Zisleithanien، ئاۋسترىيىنى كۆرسىتىدۇ) دىكى ھۆكۈمران-لىق ئورنىنى قوغدىغان. «نېمىسلارنىڭ مەدەنىيەت مەنپەئىتىنى قوغداش»بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، غەيرىي نېمىس مىللىتى مەدەنىيىتىنى كۈچىنىڭ بارىچە چەتكە قېقىپ كەلگەن. چېخ، سلوۋېنىيە ۋە كرودىيە قاتارلىق جايلاردا يېڭى مەكتەپ ئېچشقا ۋە غەيرىي نېمىسلارنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىشقا قارشى تۇرغان ھەمدە باشقا مىللەتنىڭ دەرسلىكىنى قوللىنىشىنى مەنئى قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ئەكسىيەتچىل ھەرىكىتى نۇرغۇن رايونلاردا سلاۋىيانلارنىڭ مەدەنىي تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1882-يىلى گېرمانىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ كەتكەن.

گېرمانىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى

  • گېرمانىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] ئاۋسترىيە بۇرژۇئا مىللەتچىلىرىنىڭ ئەكسىيەتچىل تەشكىلاتى. 1882-يىلى «گېرمانىيە مىللىي ئىتتىپاقى»، «گېرمانىيە خەلق ئىتتىپاقى» ۋە «گېرمانىيە مەكتەپلەر ئىتتىپاقى» قاتارلىق تەشكىلاتلاردىن تەركىب تاپقان. ئۇ گېرمان ئىمپېرىيىسى بىلەن قوشۇلۇپ، نېمىسلارنىڭ ئاۋستىرىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىشنى، غەيرىي نېمىسلارنى چەتكە قېقىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئورنىنى تۆۋەنلىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1882-يىلى «لىتىز پروگراممىسى» نى ئېلان قىلىپ، دالماتسىيە، گالتسىيە، بوسنىيە ۋە گرتسگوۋېنانى ۋىنگرىيىگە قوشۇۋېتىشنى، شۇنداقلا ئاۋسترىيە چېخ ۋە مۇراۋىيىنى «بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيە دۆلىتى» گە قوشۇۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن گېرمانىيە بىسمارك ھۆكۈمىتى ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىتتىپاقنىڭ ئاۋسترىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ قوشۇلۇشى توغرىسىدىكى تەشەببۇسىغا قارشى تۇرغان.ⅩⅨئەسىرنىڭ ئاخىرى بۇ ئىتتىپاقنىڭ ھەرىكىتى بارا-بارا توختىتىلغان.

گېرمانىيە مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى

  • گېرمانىيە مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى[يەشمىسى:] گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى ئاغمىچى پارتىيە. 1916-يىلى 3-ئايدا گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى ئارىلىقتىكىلەرنىڭ رەھبىرى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىشچىلار ئاممىسىنىڭ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى ئوڭچىلارنىڭ ئاسىيلىق ھەرىكىتىگە بولغان نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ، پارلامېنتتا «سوتسىيال دېموكراتلار ئەمگەك جەمئىيىتى» دېگەن مۇستەقىل تەشكىلات قۇرۇپ، ئاشكارا پارچىلىنىش يولىنى تۇتقان. ئارىلىقتىكىلەرنىڭ رەھبىرى ئاممىغا بولغان تەسىرنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن، 1917-يىلى 4-ئايدا گوتا شەھىرىدە پۈتۈن گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى «ئۆكتىچىلىرى» ۋەكىللىرى يىغىنى چاقىرىپ، مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن كائۇتىسكى، بېرنىشتېين قاتارلىق ئاغمىچىلار بار. ئۇلار ئىسلاھات يولى ئارقىلىق ھازىرقى ئىجتىمائىي تۈزۈمنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىدا «ۋەتەننى قوغداش» قاتارلىق سوتسىيال شوۋىنىزملىق كۆز قاراشتا چىڭ تۇرغان. 1918-يىلى گېرمانىيىنىڭ نويابىر ئىنقىلابىدا ئۇنىڭ ئوڭ قانات رەھبەرلىرى ئېبېرت قاتارلىقلار بىلەن دوست تارتىشقان ھەمدە 1922-يىلى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن يېڭىباشتىن بىرلەشكەن، ئۇنىڭ سول قانىتى 1920-يىلى گېرمانىيە كومپارتىيىسىگە قاتناشقان.

گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىك جەمئىيىتى

  • گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىك جەمئىيىتى[يەشمىسى:] گېرمانىيە جاھانگىرلىكى چەتكە قارىتا مۇستەملىكىچىلىك-كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى تەرغىپ قىلىدىغان تەشۋىقات تەشكىلاتى. 1882-يىلى 12-ئايدا سانائەتچىلەر ۋە بانكىرلار فرانكفورتتا قۇرغان. تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ كۆپۈنچىسى يۇقىرى قاتلامدىكى ئىجتىمائىي ئەربابلار بولغان. مەملىكەت ئىچىدە چەتكە كېڭەيمىچىلىك قىلىش ۋە مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى ھەدەپ تەرغىپ قىلغان ھەمدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي ئافرىقىدا ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا كېڭەيمىچىلىك يۈرگۈزۈپ، گېرمانىيىدىكى چوڭ بۇرژۇئازىيە ئۈچۈن تاۋار بازىرى ۋە خام ئەشيا بازىسىنى ئېچىشىغا پائال تۈرتكە بولغان. 1887-يىلى بۇ جەمئىيەت «گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىك شىركىتى» قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن مۇستەملىكىلەرنى تالىشىش ۋە شىلىۋېلىش پائالىيىتىگە بىۋاسىتە قاتناشقان. 1914-يىلى ئۇنىڭ ئەزالىرى 40 مىڭدىن كۆپرەككە يەتكەن. 1933-يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن «ئىمپېرىيە مۇستەملىكىچىلىك شىركىتى» گە قوشۇۋېتىلگەن.

گېرمانىيە مىللىي سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى

  • گېرمانىيە مىللىي سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى[يەشمىسى:]National Sozialistische Deutsche Arbeiterpartei) كونا تەرجىمىدە گېرمانىيە دۆلەت سوتسىيالىستلار ئىشچىلار پارتىيىسى دەپ ئېلىنغان. ناتسىستلار پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيىدىكى فاشىستىك پارتىيە. ئۇنىڭ تەكتى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ميۇنخېندا قۇرۇلغان گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى. 1919-يىلى گىتلېر بۇ پارتىيىگە قاتناشقان ھەم بۇ پارتىيىنى ئىگىلىۋالغان. 1920-يىلى «25 ماددىلىق پروگرامما» ئېلان قىلىنىپ، ھازىرقى ئىسىمغا ئۆزگەرتىلگەن،  شەكىللىك پارتىيە بەلگىسى ۋە پارتىيە بايرىقى تۈزۈلگەن ھەمدە يەھۇدىيلارغا قارشى گېزىت — «خەلق كۆزەتكۈچىسى» گېزىتىنى سېتىۋېلىپ پارتىيە گېزىتى قىلغان. 1921-يىلى «داھىي پرىنسىپى» (Fuhreprinzip، باشلىق تۈزۈمى) تۇرغۇزۇلغان، گىتلېر ئاتامان بولغان ھەمدە ھۇجۇمچى ئەترىتىنى قۇرغان. 1923-يىلى پىۋىخانا توپىلىڭىنى قوزغاپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن مەنئى قىلىنغان. 1925-يىلى يېڭىباشتىن پائالىيەت قىلغان. بۇ پارتىيە بۈيۈك نېمىسچىلىقنى تەرغىپ قىلىپ، تاجاۋۇزچىلىق-كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، ماركسىزم ۋە دېموكراتىزمغا ھۇجۇم قىلىپ، مونوپول كاپىتال گۇرۇھىنىڭ زور مەدىتىگە ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە «سوتسىيالىزم» نى كۆز-كۆز قىلىپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن قاتلامدىكى كەڭ ئاممىنى ئالدىغان. 1933-يىلى 1-ئايدا ئىقتىسادىي كرىزىس ۋە ئىجتىمائىي داۋالغۇشتىن پايدىلىنىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. ئىچكى جەھەتتە كوممۇنىستلارنى دەھشەتلىك باستۇرۇپ، باشقا پارتىيىلەرنى تارقىتىۋەتكەن، دېموكراتىيە ئەركىنلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، يەھۇدىيلارنى چەتكە قېقىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان، فاشىستىك تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويغان. تاشقى جەھەتتە «ۋېرسال ئەھدىنامىسى» نى يىرتىپ تاشلاپ، ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ئىشىنى غالجىرلارچە ئېلىپ بېرىپ، ئوق مەركىزىي دۆلەتلەر گۇرۇھىنى تەشكىللەپ، خالىغانچە تاجاۋۇز قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان. گېرمانىيە 1945-يىلى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر باشقۇرۇش ھەيئىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز تەشكىلات دەپ جاكارلانغان.

گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابى

  • گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابى[يەشمىسى:] 1918 - 1919-يىللىرىدىكى گېرمانىيە بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا گېرمانىيە ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك گۇمران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە، ئاممىنىڭ ئۇرۇشقا قارشى ئىنقىلابىي ھەرىكىتى يۈكسىلىپ كەتكەن. 1918-يىلى 10-ئايدا، گېرمانىيە كورۇلى ۋىليام Ⅱ «پارلامېنت مەسئۇلىيەت تۈزۈمى» نى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، شاھزادە ماركس بادىننى ۋەزىرلىككە تەيىنلەپ، سوتسىيال دېموكراتلار قاتناشقان ئىچكى كابىنېتنى تەشكىل قىلغان. بىراق ۋەزىيەتنى يۇمشىتالمىغان. 11-ئاينىڭ 3-كۈنى گىر پورتىدىكى ماتروسلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بۇ قوزغىلاڭ تېزلا پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭىيىپ، ھەرقايسى جايلاردا ئىشچىلار-ئەسكەرلەر سوۋېتلىرى كەينى-كەينىدىن قۇرۇلغان. 11-ئاينىڭ 9-كۈنى بېرلىن قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلۈپ، گېرمانىيە كورۇلى قېچىپ كەتكەن، پادىشاھلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭچى رەھبىرى گېرمانىيىنى «دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت» دەپ جاكارلاپ، ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان. كارل لىبكنېخت باشچىلىقىدىكى سپارتاك ئىتتىپاقى گېرمانىيىنىڭ «سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت» ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ، ئاممىنى ئىنقىلابنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. ئارقىدىن ئوڭچىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئېبېرت ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى تەشكىللەپ، ئاممىنىڭ بېسىمى ئاستىدا بەزى دېموكراتىك ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، لېكىن گېرمانىيە ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابى بىلەن مەخپىي تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىنقىلابنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى توسۇماقچى بولغان. سپارتاك ئىتتىپاقى ئىنقىلابنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 12-ئاينىڭ 30-كۈنى گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغان. 1919-يىلى 1-ئايدا، بېرلىن ئىشچىلىرى ئىش تاشلىغان ۋە نامايىش قىلغان. ئارمىيە سىياسىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئوڭچىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى نوسىك ئۇنى زورلۇق بىلەن باستۇرغان. 15-كۈنى گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى كارل لىبكنېخت ۋە ليۇكسېمبۇرگنى قولغا ئالغان ۋە ئۆلتۈرگەن. 2-ئايدا ھۆكۈمەت ۋېيماردا مىللىي ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئېبېرت گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان. لېكىن ئىنقىلابىي كۈرەش جايلاردا داۋاملىق ئېلىپ بېرىلغان. 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ميۇنخېندا باۋارىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. ھۆكۈمەت ئارمىيىسى قانلىق باستۇرۇپ، 5-ئاينىڭ باشلىرىدا ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغان. كىل ماتروسلىرىنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىدىن باۋارىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى مۇنقەرز بولغانغا قەدەر، ئىنقىلاب يېرىم يىل داۋاملىشىپ، پادىشاھلىق تۈزۈمى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. گېرمانىيە ئىشچىلار سىنىپى چېنىقتۇرۇلغان، سوۋېت روسىيىسىگە مەدەت بېرىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىنقىلاب بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋروپا ئىنقىلابى دولقۇنىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالغان.

گېرمانىيە ئۈچىنچى ئىمپېرىيىسى

  • گېرمانىيە ئۈچىنچى ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:] فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ (5491 - 3391) غەيرىي رەسمىي نامى. گېرمانىيىلىك مىللىي شوۋىنىزمچى بروك (Mǒller von den Bruck، 5291 - 6781) ئۆزىنىڭ «ئۈچىنچى ئىمپېرىيە» دېگەن ماقالىسىدە ھەممىدىن ئاۋۋال بۇ نامنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ سىرتقا كېڭەيمىچىلىك يۈرگۈزۈش غەرىزىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 1933-يىلى 1-ئايدا گىتلېر ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، ۋېيمار جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيىتىنى بىكار قىلىپ، ئىچكى جەھەتتە فاشىستىك ئىستېبداتلىق ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزگەن، تاشقى جەھەتتە تاجاۋۇزچىلىق-كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشىنى ئېلىپ بارغان. ناتسىستلار پارتىيىسى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى (6081 - 269) ۋە گېرمان ئىمپېرىيىسى (8191 - 1781) دىن كېيىن بىر يېڭى «ئەبەدىي ئىمپېرىيە» قۇرۇش كويىدا بولغان. لېكىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا گېرمانىيە يېڭىلىپ فاشىستىك ھاكىمىيەت تارمار قىلىنغان. 

گېرمانىيە-ئىتالىيە ئوق مەركىزى كېلىشىمى

  • گېرمانىيە-ئىتالىيە ئوق مەركىزى كېلىشىمى[يەشمىسى:]«بېرلىن-رىم ئوق مەركىزى كېلىشىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كېلىشىم ئىتالىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كىيانۇ 1936-يىل 10-ئاينىڭ 25-كۈنى بېرلىننى زىيارەت قىلغاندا، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نېئۇرات بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن ئىمزالانغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: گېرمانىيە ئىتالىيىنىڭ ئېفىئوپىيىنى قوشۇۋېلىشنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىدۇ؛ ئىككى دۆلەت بالقان يېرىم ئارىلى ۋە دوناي دەريا ۋادىسىدىكى تەسىر دائىرىسىنى ئايرىيدۇ؛ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىسپانىيە ۋە باشقا خەلقئارا مەسىلىلەرگە ئارىلىشىش جەھەتتىكى ئورتاق ھەرىكەت لۇشيەنىنى بەلگىلەيدۇ؛ ئىككى دۆلەت فرانكو ھاكىمىيىتىنى تەڭ ئېتىراپ قىلىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. كېلىشىمدە گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيىنىڭ مۇناسىۋىتى تەرتىپكە سېلىنىپ، تاجاۋۇزچىلىق ئىتتىپاق تۈزۈش يولىدا مۇھىم بىر قەدەم تاشلانغان. مۇسسولىن كۆرەڭلەپ ئۇنى بېرلىن بىلەن رىم ئوتتۇرىسىدىكى تىك سىزىق — ئوق مەركىزى، ياۋروپا ئەللىرى بۇ ئوق مەركىزىنى دەۋر قىلغان ھالدا ھەمكارلاشسا بولىدۇ، دەپ جاكارلىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان.

گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاق شەرتنامىسى

  • گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاق شەرتنامىسى[يەشمىسى:]« بېرلىن ئەھدىنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيىدىن ئىبارەت ئۈچ فاشىست دۆلەت تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، 1940-يىل 9-ئاينىڭ 27-كۈنى بېرلىندا ئىمزالىغان. ئاساسىي مەزمۇنى، ياپونىيە گېرمانىيە ۋە ئىتالىيىنىڭ ياۋروپادا يېڭى تەرتىپ ئورنىتىش يولىدىكى ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ؛ گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە ياپونىيىنىڭ «بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا» دا يېڭى تەرتىپ ئورنىتىش يولىدىكى ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ؛ ئەھدىنامە تۈزگەن دۆلەتلەر سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردىكى بارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆزئارا ياردەملىشىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. ئەھدىنامە گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت مەركىزىي ئوق ھەربىي ئىتتىپاقنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كېيىن، ۋېنگرىيە، رومىنىيە، سلوۋاكىيە، بۇلغارىيە، فىنلاندىيە، ئىسپانىيە، تايلاند ۋە كرودىيە، قورچاق مانجۇرىيە ھەم ۋاڭ جىڭۋېي قورچاق ھاكىمىيىتىمۇ بۇ ئەھدىنامىگە كەينى-كەينىدىن قاتناشقان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە مەغلۇپ بولغاچقا، بۇ شەرتنامە بىكار قىلىنغان.

گېرمانىيە ئىتتىپاقى

  • گېرمانىيە ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]گېرمانىيە شتاتلار ئىتتىپاقى. 1815-يىل 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋېنا يىغىنىدا ماقۇللانغان «شتات ئىتتىپاقى قانۇنىي لايىھىسى» گە ئاساسەن تەشكىل قىلىنغان. ئۇ 34 فېئودال پادىشاھلىق ۋە تۆت ئەركىن شەھەرنى (ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە سانىمۇ ئوخشاش بولمىغان) ئۆز ئىچىگە ئالغان. ماين دەرياسى ۋادىسىدىكى فرانكفورتتا ئىتتىپاقنىڭ ئالىي ئورگىنى بولغان ئىتتىپاق پارلامېنتى تەسىس قىلىنغان. ئاۋسترىيە ۋەكىلى رەئىس بولغان. بۇ ئورگان مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ فۇنكسىيىسىنى ئىجرا قىلمىغان، ئۇنىڭ قارارلىرى چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمىغان، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر پۈتۈنلەي سىياسىي مۇستەقىللىككە ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. ئىتتىپاق ھەرقايسى شتاتلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاش ۋە ھەرقايسى شتاتلاردىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش رولىنىلا ئوينىغان. 1848 — 1849-يىللىرىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە بىر مەھەل پارچىلىنىپ، 1850-يىلى قايتا تەشكىل قىلىنغان. 1866-يىلى پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن پارچىلانغان.

گېرمانىيە ئىشچىلار بىرلەشمىسى

  • گېرمانىيە ئىشچىلار بىرلەشمىسى[يەشمىسى:] گېرمانىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مۇستەقىل سىياسىي تەشكىلاتى. 1863-يىل 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 11 شەھەرنىڭ ئىشچىلار ۋەكىللىرى لېيپسىگدا قۇرغان. لاسسال رەئىسلىككە سايلانغان. ئۇنىڭ ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، بىرلەشمىنىڭ پروگراممىسى ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە قانۇنىي پارلامېنت پائالىيىتى بىلەنلا چەكلىنىپ، سىنىپىي كۈرەشكە قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ياردىمىدە ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق ئىشچىلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تەشەببۇس قىلغان. پروسىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە، سۇلالىلەر ئۇرۇشى ئارقىلىق گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ياقلىغان. 1868-يىلى 9-ئايدا لېيپسىگ ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن پېچەتلەنگەن، كېيىن بېرلىنغا كۆچۈپ كېتىپ پائالىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە ئاغمىچىلىق لۇشيەنىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈپ، ئۆز تەرەققىياتىغا ئېغىر پۇتلىكاشاڭ بولغان. ماركس بىلەن ئېنگېلس لاسسالچىلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىلغار گېرمانىيە ئىشچىلىرىنى بارا-بارا لاسسالچىلىقتىن ۋاز كەچتۈرگەن. 1869-يىلى بىر قىسىم ئەزالىرى بۇ تەشكىلاتتىن ئايرىلغان ھەمدە گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1875-يىلى 5-ئايدا گوتا قۇرۇلتىيىدا مەزكۇر بىرلەشمە ئېيزىناخچىلار بىلەن قوشۇلۇپ، گېرمانىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى بولغان.

گېرمانىيە ئىشچىلار جەمئىيىتى

  • گېرمانىيە ئىشچىلار جەمئىيىتى[يەشمىسى:] كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئىشچىلارنى كەڭ تۈردە ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان ۋە تەربىيىلەيدىغان قانۇنىي تەشكىلاتى. 1847-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا ماركس ۋە ئېنگېلس بىريۇسسېلدا قۇرغان. ئۇنىڭ مەقسىتى بىلگىيىدە ئولتۇراقلاشقان گېرمانىيە ئىشچىلىرىغا سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش ۋە ئىلمىي سوتسىيالىزمنى تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت. ماركس بۇ جەمئىيەتتە سىياسىي ئىقتىساد ھەققىدە كۆپ قېتىم نۇتۇق سۆزلەپ، ياللانما ئەمگەك بىلەن كاپىتالنىڭ مۇناسىۋىتىنى بايان قىلىپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتە غايەت زور رول ئوينىغان. بىرمۇنچە مۇنەۋۋەرلەر كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى بىريۇسسېل ياچېيكىسىغا قاتناشقان. 1848-يىلى فرانسىيە فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، جەمئىيەت بېلگىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا جەمئىيەتنىڭ ھەرىكىتى توختىتىلغان.

گېرمانىيە ئىقتىسادىي باش ئۇيۇشمىسى

  • گېرمانىيە ئىقتىسادىي باش ئۇيۇشمىسى[يەشمىسى:] فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەدبىر كۆرۈش ئاپپاراتى. 1933-يىلى 7-ئايدا قۇرۇلغان. 12 مونوپول كاتتىبېشى ۋە بەش ناتسىستتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىمپېرىيە ئىقتىسادىي مىنىستىرلىكىگە قارىغان. دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىقتىسادقا دائىر قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولغان. 1934-يىلى «گېرمانىيە ئىگىلىكىنىڭ ئورگانىك قۇرۇلمىسى نىزامى» نى ئېلان قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ ئەسلىدىكى كارخانىلىرىنى زورلۇق بىلەن مونوپول كاپىتالىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت مونوپول كاپىتالىزمىنى راۋاجلاندۇرغان، فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ ئۇرۇش ئىگىلىكى ئۈچۈن جېنىنىڭ بارىچە خىزمەت قىلغان.

گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى

  • گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:] ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا سۇلالىلەر ئۇرۇشى ئارقىلىق قۇرۇلغان، پرۇسسىيە مەركەز قىلىنغان بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيە دۆلىتى. پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1871-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋېرسال ئوردىسىدا ئۇنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. 22 گېرمانىيە شتاتى، ئۈچ ئەركىن شەھەر (ھامبۇرگ، بېرېمېن، ليۇبېك) ۋە ئىمپېرىيىنىڭ مەمۇرىي ئۆلكىسى ئېلزاس-لوررىندىن تەركىب تاپقان. 1871-يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ماقۇللانغان «گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى ئاساسىي قانۇنى» دا بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيىنىڭ قوشما شتاتلار تۈزۈمى ئاساسىدىكى پادىشاھلىق دۆلىتى ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەن. ھەرقايسى شتاتلار كەڭ تۈردە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. پرۇسسىيە ئىمپېرىيىدە ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرغان، پرۇسسىيە كورۇلى گېرمانىيىنىڭ كورۇلى بولۇپ، ھەربىي، دىپلوماتىيە جەھەتلەردىكى ھوقۇققا ئىگە بولغان؛ پرۇسسىيە باش ۋەزىرى ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش ۋەزىرى بولۇپ، ئۇ پادىشاھ تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ۋە قالدۇرۇلغان، پارلامېنت ئالدىدا جاۋابكار بولمىغان؛ ئىمپېرىيىدە قوشما شتات پارلامېنتى ۋە ئىمپېرىيە پارلامېنتى ئىككى پالاتا تۈزۈمىدىكى ۋەكالەت ئورگىنى بولغان. قوشما شتات پارلامېنتى ھەرقايسى شتاتلارنىڭ بەگلىرى ۋە ئەركىن شەھەر تەيىنلىگەن 58 نەپەر ۋەكىلدىن تەركىب تاپقان. ئۇ ئىمپېرىيىنىڭ ئالىي ئورگىنى بولۇپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، ئىمپېرىيىنىڭ باش ۋەزىرى قوشما شتاتلار پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بولغان؛ ئىمپېرىيە پارلامېنتى ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن، لېكىن پرۇسسىيە قاتارلىق شتاتلاردا ئۈچ دەرىجىلىك سايلام تۈزۈمى مەۋجۇت بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ سايلام ھوقۇقى زور چەكلىمىگە ئۇچرىغان. ئىمپېرىيە — يۇنكېر-بۇرژۇئازىيە دىكتاتۇرىلىقىدىكى دۆلەت بولۇپ، يۇنكېر پومېشچىكلار ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولغان. ماركس ئۇنى پارلامېنت شەكلى بىلەن ئۆزىنى پەردازلىۋالغان ھەربىي مۇستەبىتلىك تۈزۈم ئاساسىدىكى دۆلەت دەپ ئاتىغان. 1918-يىلى گېرمانىيىنىڭ نويابىر ئىنقىلابىدا خوخېنسوللىرن خاندانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان، ئىمپېرىيىمۇ شۇئان بەربات بولغان.

گېرمانىيە-ياپونىيىنىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى كېلىشىمى

  • گېرمانىيە-ياپونىيىنىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى كېلىشىمى[يەشمىسى:]گېرمانىيە بىلەن ياپونىيە 1936-يىل 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بېرلىندا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ تۈزگەن سىياسىي كېلىشىم. ئاساسلىق مەزمۇنى: كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەت كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۆزئارا ئاخبارات ئالماشتۇرۇش ھەمدە يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، «زۆرۈر مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىش» تىن ئىبارەت. مەخپىي قوشۇمچە ھۈججەتتە كېلىشىم تۈزۈشكەن بىر تەرەپ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن توقۇنۇشقاندا كېلىشىم تۈزۈشكە يەنە بىر تەرەپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا پايدىلىق بولىدىغان تەدبىرلەرنى قوللانماسلىقى؛ كېلىشىم كۈچكە ئىگە مەزگىلىدە ئىككى تەرەپ قوشۇلماي تۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇشۇ كېلىشىمنىڭ روھىغا زىت كېلىدىغان ھېچقانداق سىياسىي شەرتنامە ئىمزالىماسلىقى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. ئىتالىيە 1937-يىل 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، ۋېنگرىيە ۋە قورچاق مانجۇرىيە 1939-يىل 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئىسپانىيە 1939-يىل 3-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇ كېلىشىمگە قاتناشقان. كېيىن بۇلغارىيە، فىنلاندىيە، رومىنىيە، دانىيە، سىلۋاكىيە، كرودىيە قورچاق ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو ۋاڭ جىڭۋېي قورچاق ھاكىمىيىتى بۇ كېلىشىمگە كەينى-كەينىدىن قاتناشقان. گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن بۇ كېلىشىم بىكار قىلىنغان.

گېرمانىيىدىكى يانۋار سىياسىي ئىش تاشلىشى

  • گېرمانىيىدىكى يانۋار سىياسىي ئىش تاشلىشى[يەشمىسى:] گېرمانىيە ئىشچىلىرىنىڭ 1918-يىل 1-ئايدىكى سىياسىي خاراكتېرلىك ئىش تاشلىشى. ئۇرۇش ئاپىتىنىڭ دەردىنى تارتقان گېرمانىيە ئىشچىلىرى روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن، 1917-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ، ئارقىمۇ ئارقا يىغىن، نامايىش ئۆتكۈزۈپ ۋە ئىش تاشلاپ، سوۋېت روسىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان زېمىن ئايرىپ بەرمەسلىك، تۆلەم تۆلىمەسلىك سۈلھ شەرتنامىسىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. گېرمانىيىدىكى سولچى سوتسىيال دېموكراتلار (سپارتاكچىلار) ئىشچىلارنى روسىيە پرولېتارلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، تىنچلىق، بولكا ۋە ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. بېرلىن شەھىرىدە 500 مىڭ ئىشچى 1918-يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنى كەڭ كۆلەمدە ئىش تاشلىغان. ھەرقايسى جايلار ئۇنىڭغا قىزغىن ئاۋاز قوشقان. ھۆكۈمەت «پەۋقۇلئاددە ھەربىي ھالەت» نى جاكارلىغان. بېرلىن ئىشچىلىرى ھەربىي ساقچىلار بىلەن قوراللىق توقۇنۇشۇپ قالغان. 2-ئاينىڭ 3-كۈنى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭچى رەھبەرلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ۋە ئەكسىيەتچىل ھەربىي ساقچىلارنىڭ باستۇرۇشى ئارقىسىدا ئىش تاشلاش مەغلۇپ بولغان.

گېرمانىيىگە قاراشلىق شەرقىي ئافرىقا

  • گېرمانىيىگە قاراشلىق شەرقىي ئافرىقا[يەشمىسى:] ھامىيلىقتىكى شەرقىي ئافرىقا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيىنىڭ شەرقىي ئافرىقىدىكى مۇستەملىكىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. تانگانىكا، رۇۋاندا ۋە بۇروندىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1884-يىلدىن ئېتىبارەن، گېرمانىيىنىڭ شەرقىي ئافرىقا شىركىتى بۇ رايونلاردىكى قەبىلە باشلىقلىرىنى بىرقاتار «ھامىيلىق» شەرتنامىلىرىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. 1890-يىلى گېرمانىيە يۇقىرىقى رايونلارنى قوشۇۋېتىپ، ئۇنى ھامىيلىقىدىكى شەرقىي ئافرىقا قىلىۋالغان. گېرمانىيە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان. خەلقئارا بىرلەشمە رۋاندا-بۇروندىنى بىلگىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق يېرى قىلىشنى، كىئونگا (Kionga) دېلتىسى رايونى پورتۇگالىيىگە قاراشلىق موزامبىككە تەۋە بولۇشنى، تانگانىكانى ئەنگلىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق يېرى قىلىشنى قارار قىلغان.

گېرمانىيىنىڭ 1848-يىلدىكى ئىنقىلابى

  • گېرمانىيىنىڭ 1848-يىلدىكى ئىنقىلابى[يەشمىسى:] 1848 — 1849-يىللىرىدىكى گېرمانىيە بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى، گېرمانىيىدە كاپىتالىزم يەنىمۇ راۋاج تېپىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەت كۈنسايىن ئۆتكۈرلەشكەن، خەلق فېئوداللىق بۆلۈنمىچىلىكنى تۈگىتىپ، مىللىي بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى جىددىي تەلەپ قىلغان، ئىنقىلابىي ۋەزىيىتى كۈنسايىن پىشىپ يېتىلگەن. 1848-يىلى 3-ئاينىڭ باشلىرىدا بادېن كىنەزلىكىدە خەلق ھەممىدىن ئاۋۋال قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، بۇ گېرمانىيىنىڭ غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبىي قىسىملىرىدىكى شتاتلارغا تېزلىكتە كېڭىيىپ، ئەركىن بۇرژۇئازىيىنىڭ ئىچكى كابىنېت ھۆكۈمىتى (يەنى «مارت كابىنېتى») ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە فېئودال ئەكسىيەتچىل كۈچلەر مەركەزلەشكەن ئاۋسترىيە ۋە پرۇسسىيىدىمۇ ئىنقىلاب پارتلىغان. 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋېنا خەلقى مېتنې ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان؛ 3-ئاينىڭ 18-كۈنى بېرلىن خەلق قوزغىلىڭى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، كورۇلنى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى چاقىرىشقا قوشۇلۇشقا مەجبۇر قىلغان. ماركس، ئېنگېلس بۇ قېتىمقى كۈرەشكە باشتىلا قاتناشقان ھەمدە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى نامىدىن ئىنقىلاب ئۈچۈن «كومپارتىيىنىڭ گېرمانىيىدىكى تەلىپى» دېگەن ستراتېگىيىلىك پروگراممىنى تۈزۈپ بېرىپ، بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن ھەرقايسى شتاتلاردىكى ئەركىن بۇرژۇئازلار ۋە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىكىدىكى فرانكفورت مىللىي پارلامېنتى فېئودال كۈچلەر بىلەن مۇرەسسەلىشىپ ئىنقىلابنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشقا توشقۇنلۇق قىلغان، ھۆكۈمران سىنىپ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان. 1848-يىلى 11-ئايدا، ئاۋسترىيە ئەكسىيەتچىلىرى ۋېنا خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، پادىشاھلىق ئىستېبداتلىق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن؛ پرۇسسىيە كورۇلىمۇ ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، پومېشچىك بيۇروكرات ھۆكۈمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، جەنۇبىي گېرمانىيىدىكى ھەرقايسى شتاتلارنىڭ كورۇللىرى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1849-يىلى 3-ئايدا فرانكفورت مىللىي پارلامېنتى ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى ماقۇللاپ، ۋارىسلىق قىلىنىدىغان كورۇل ھۆكۈمرانلىقىدىكى بىرلىككە كەلگەن پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، بەزى ئەركىن-دېموكراتىك ھوقۇقلارنى بەلگىلىگەن. لېكىن بۇ ھەرقايسى شتات كورۇللىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. 5-ئاينىڭ بېشىدا درېسدېن، رېين رايونلىرى، بادېن، پفالز قاتارلىق جايلاردا كەڭ كۆلەملىك خەلق قوراللىق قوزغىلىڭى پارتلاپ، ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى قوغداش كۈرىشى قانات يايدۇرۇلغان. پرۇسسىيە ھۆكۈمىتى ھەرقايسى شتات كورۇللىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئەسكەر چىقىرىپ باستۇرغان. 7-ئايدا فرانكفورت مىللىي پارلامېنتى پارچىلىنىپ كەتكەن؛ بادېن-پفالز قوزغىلىڭى باستۇرۇلغان. بۇرژۇئازىيىنىڭ ئاسىيلىق قىلىشى ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنىڭ تۇراقسىزلىقى تۈپەيلىدىن ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغان.

گېرمانىيىنىڭ شەرقىي چېگرا رايونى جەمئىيىتى

  • گېرمانىيىنىڭ شەرقىي چېگرا رايونى جەمئىيىتى[يەشمىسى:]گېرمانىيە جاھانگىرلىكى مۇستەملىكە كېڭەيمىچىلىكىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن قۇرغان تەشۋىقات تەشكىلاتى. 1894-يىلى 11-ئايدا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى 55 مىڭدىن ئاشقان. مەملىكەت ئىچىدە شوۋىنىزمنى ھەدەپ تەرغىپ قىلىپ، شەرقىي ياۋروپادىكى مىللەتلەرگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان كەيپىياتنى قۇترىتىپ، ئەكسىيەتچىل «شەرققە يۈرۈش قىلىش سىياسىتى» نى يولغا قويۇپ، گېرمانىيە جاھانگىرلىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى تاجاۋۇزچىلىق كېڭەيمىچىلىكى ئۈچۈن جامائەت پىكرى توپلىغان. 1934-يىلى تارقىتىۋېتىلگەن.

گېرموگېن مۇراجىئىتى

  • گېرموگېن مۇراجىئىتى[يەشمىسى:]ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا روسىيىنىڭ پراۋوسلاۋىيە دىنىنىڭ باش ئېپىسكوپى گېرموگېن (Гермоген، تەخمىنەن 1530 — 1612) چىقارغان مۇراجىئەت. بارلىق خەلقنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، پولشانىڭ قوراللىق تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىشنى مەقسەت قىلغان. «يەتتە خوجىدار ھۆكۈمىتى» ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (1610 - 1612)، پولشا ئارمىيىسى موسكۋانى تىزگىنلىگەن، پولشا ۋە شۋېتسىيە ئارمىيىلىرى سمولېنىسكى ۋە نوۋگورود قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلغان. روسىيە بۆلۈۋېلىنىش ۋە مۇنقەرز بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. 1610-يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1611-يىلنىڭ باشلىرىغىچە گېرموگېن ھەرقايسى شەھەرلەرگە مۇراجىئەت چىقىرىپ، بارلىق خەلقنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، پايتەخت موسكۋانى ئازاد قىلىشقا چاقىرغان. بۇ مۇراجىئەتلەر روسىيە خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى ۋە دۈشمەننى يېڭىش ئىرادىسىنى قوزغىغان. پولشا تاجاۋۇزچىلىرى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن گېرموگېننى يەر ئاستى گۇندىخانىغا سولاپ قويغان. ئۇ ئۆلگەنگە قەدەر تىز پۈكمىگەن.

گېرۋىنۇس

  • گېرۋىنۇس[يەشمىسى:]Georg Gottfried Gervinus، 1781 - 5081)، گېرمانىيىلىك بۇرژۇئازىيە تارىخچىسى، ئەدەبىيات تارىخچىسى. گىئېسسېن ۋە ھېيدېلبېرگ داشۆسىدە ئوقۇغان. 1830-يىلى ھېيدېلبېرگ داشۆسىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1835-يىلى گوتتىنگېن داشۆسىنىڭ تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى بولغان. 1837-يىلى ئاكا-ئۇكا گرىم قاتارلىق يەتتە نەپەر پروفېسسور بىلەن بىللە ھاننوۋېر كورۇلىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، خىزمەتتىن قوغلانغان. 2481 - 5381-يىللاردا «گېرمانىيە مىللىي ئەدەبىيات تارىخى» (كېيىن «گېرمانىيە شېئىرىيەت تارىخى» دەپ ئۆزگەرتىلگەن) نى نەشىر قىلىپ، ئەدەبىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىدىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، شېئىرىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ئايرىلىشىغا قارشى تۇرغان؛ ئەدەبىي-سەنئەتنىڭ قەھرىمانلارنىڭ تۆھپىلىرى ۋە ۋەقەلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. 1844-يىلى ھېيدېلبېرگ داشۆسىنىڭ پەخرىي پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان. سىياسىي جەھەتتە بۇرژۇئازىيە لىبېرالىزمچىسى ۋە فېدېراتىۋىزمچىسى بولۇپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى ياقلىغان. 1847-يىلى «گېرمان گېزىتى» نى تەسىس قىلىپ، مۇئەييەن سىياسىي تەسىرگە ئىگە بولغان. 1848-يىلدىكى گېرمانىيە ئىنقىلابىي مەزگىلىدە، فرانكفورت مىللىي پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، شېكىسپېر تەتقىقاتى ۋە ئىزاھلاش خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولغان. 1853-يىلى«ⅩⅨ ئەسىر تارىخى» غا «كىرىش سۆز» دېگەن ماقالىسىدە رادىكال لىبېرالىزملىق نۇقتىئىنەزەرنى شەرھلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەكسىيەتچى دائىرىلەر تەرىپىدىن «ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلغان» دەپ ئەيىبلىنىپ، پروفېسسورلۇق ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۇ گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشى مەسىلىسىدە پرۇسسىيىنىڭ شوۋېنىزملىق يولىغا ۋە بېسماركنىڭ «تۆمۈر قان» سىياسىتىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، بېسماركنىڭ دۈشمەنلىك بىلەن قارىشىغا ئۇچرىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى «شېكىسپېر»، «ⅩⅨ ئەسىر تارىخى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

گېرىن

  • گېرىن[يەشمىسى:]Hermann Gōring، 6491 - 3981)، ناتسىستلار گېرمانىيىسى مارشالى. بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىدىن بىرى. روسېنگېيىمدا تۇغۇلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھاۋا ئارمىيىسىدە ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى، ئۇرۇشتىن كېيىن دانىيە، شۋېتسىيىلەردە ترانسپورت ئايروپىلانىنىڭ ليۇتچىكى بولغان. ميۇنخېن داشۆسىدە ئىقتىساد ئىلمى (ئىكونومىكا) ئۆگەنگەن، 1921-يىلى گىتلېر بىلەن تونۇشۇپ، كېيىنكى يىلى ناتسىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1923-يىلى «پىۋىخانا توپىلىڭى» غا قاتناشقان. 1928-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1932-يىلى پارلامېنت باشلىقى بولغان. 1933-يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى، ھاۋا ئارمىيە مىنىستىرى، پرۇسسىيە زۇڭلىسى، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ھەمدە ئارمىيىنى كېڭەيتىپ تولۇقلاش ۋە مەخپىي ساقچى (گېستاپو) نى راۋاجلاندۇرۇشقا مەسئۇل بولغان. 1935-يىلى ھاۋا ئارمىيە باش قوماندانى، 1936-يىلدىن باشلاپ «تۆت يىللىق پىلان» نىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ئىجراچىسى بولغان. گىتلېر 1939-يىلقى بىر نۇتقىدا ئۇنى ۋارىس قىلىپ بېكىتكەن. 1940-يىلى 1-ئايدا، ئىقتىسادىي باش شتابنىڭ كاتتىباشلىقىغا تەيىنلەنگەن. شۇ يىلى 7-ئايدا، «ئىمپېرىيە مارشالى» دېگەن نام بېرىلگەن. 1944-يىلى 7-ئايدا، ئۇرۇش ۋاقتىدىكى سەپەرۋەرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. 1945-يىلى 4-ئايدا گىتلېر تەرىپىدىن «ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان، گېرمانىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، 1946-يىلى 10-ئايدا، نيۇرىنبۇرگ خەلقئارا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن دارغا ئېسىش ھۆكۈمى بېرىلىپ، ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان.

گېزەندىلەر

  • گېزەندىلەر[يەشمىسى:]1) چارروسىيە دەۋرىدىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇپ، يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلغان قوراللىق باندىتلار، يەنى قارا يۈز كىشىلىك ئۆمەك. 1905-يىلى ساقچىلار، ژاندارمىلار ۋە خانپەرەس تەشكىلاتلار(«رۇس خەلق ئىتتىپاقى»، مىخايىل ئارخانگېل ئىتتىپاقى قاتارلىقلار) دىن قۇرۇلغان. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابى مەزگىلىدە يوقىتىلغان. (2) 7191-5091-يىللاردىكى روسىيىدە، ئىنتايىن ئوڭچىل گۇرۇھلارنىڭ ئەڭ ئەكسىيەتچىل ئۇنسۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

گېستاپو

  • گېستاپو[يەشمىسى:] نېمىسچە Gestapo نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. فاشىستىك گېرمانىيە مەخپى-ي دۆلەت ساقچىسى (Geheime Staatspolizei) نىڭ قىسقارتىلمىسى. گىتلېر 1933-يىلنىڭ بېشىدا تەختكە چىققاندىن كېيىن، گرېنگ پرۇسسىيە شتاتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سالاھىيىتى بىلەن تەشكىللىگەن ۋە بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلغان. 1934-يىلى 4-ئايدا ئېسئېسچىلارنىڭ كاتتىبېشى گىمملېر تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان. 1936-يىلى 6-ئايدا ئېسئېسچىلارغا قوشۇۋېتىلگەن. ئۇ فاشىستلار پارتىيىسىنىڭ گېرمانىيە ۋە ئىشغال قىلىنغان دۆلەتلەر خەلقى ئۈستىدىن ئىشپىيونلۇق ۋە تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقنى ئېلىپ بېرىش قورالى بولۇپ، 1946-يىلى نيۇرىنبورگ خەلقئارا ھەربىي سوت تەرىپىدىن جىنايەتكار تەشكىلات دەپ ئېلان قىلىنغان.

گېشوۋ

  • گېشوۋ[يەشمىسى:]Иван Евстратиев Гешов، 4291 - 9481). بۇلغارىيىنىڭ مالىيە ۋەزىرى (1886-، 1894 — 1899)، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. پلوۋدىۋدىكى سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 2781 - 7681-يىللاردا ئەنگلىيىدە ئوقۇپ، مانچىستېر داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1879-يىلى مىللىي كېڭەشنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان. 1882-يىلى شەرقىي رۇمېلىيىنىڭ مالىيە ۋەزىرى بولۇپ، بۇ رايوننىڭ بۇلغارىيە كىنەزلىكى بىلەن قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1889-يىلى بۇلغارىيە پەن-مەدەنىيەت جەمئىيىتى (1911-يىلى بۇلغارىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن) نىڭ رەئىسى بولغان. مىللىي بانكىنىڭ دىرېكتورى ۋە مالىيە ۋەزىرى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، دۆلەت ئىچىدە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1912-يىلى بالقان ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ يىلى بۇلغارىيە ھۆكۈمىتىگە ۋەكىل بولۇپ، سېربىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋە دوستلۇق-ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسىنى تۈزگەن. «بۇلغارىيە ئىتتىپاقى» (ئەسلىمە ۋە ھۈججەتلەر) دېگەن ئەسىرى بار.

گېشى بېيزەي (كازۈنىشىكى كىتا)

  • گېشى بېيزەي (كازۈنىشىكى كىتا)[يەشمىسى:]1760 - 1849) ياپونىيە ئېروگاۋا دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئاتاغلىق رەسسام. ئېروگاۋادا تۇغۇلغان. ئەڭ دەسلەپتە كاچىگاۋاخارۇئې (2971 - 6271) غا شاگىرت بولغان، كېيىن ھەرقايسى ئەنئەنىۋى رەسىمچىلىك ئېقىملىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگەنگەن ھەمدە شىبانىڭ غەربچە رەسىم سىزىش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ سىزغان «شەرقىي پايتەختنىڭ ئاتاغلىق جايلىرى»، «بۇ تيەنچۇەننىڭ ئىككى قىرغىقىغا بىر نەزەر» قاتارلىق مەنزىرە رەسىملىرىدە، تەبىئەت بىلەن ئادەم ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن. 1814-يىلى (ۋېنخۇانىڭ 11-يىلى) نەشىر قىلىنغان «بېيزەينىڭ ھەجۋىي رەسىملىرى» پۇقرالار تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1832-يىلى (تيەنباۋنىڭ 3-يىلى) سىزغان «فۇياۋنىڭ 36 مەنزىرىسى» دە فۇجى تېغى ھەرقايسى تەرەپلەردىن سۈرەتلەپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنى ياپون خەلقى ناھايىتى ياقتۇرغان. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، گېشى ئېقىمى دەپ ئاتالغان.

گېگېل

  • گېگېل[يەشمىسى:]Georg Wilhelm Friedrich Hegel، 1381 - 0771). گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ، گېرمانىيە كلاسسىك ئىدېئالىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرگۈچى. شتۇتگارتتىكى بىر بيۇروكرات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1788-يىلى تيۇبىنگېن ئىلاھىيەت شۆيۈەنىگە كىرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كۆپ يىل ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 7081 - 1081-يىللاردا يېنا داشۆسىدە لېكتور، پروفېسسور بولغان. 6181 - 8081-يىللاردا نيۇرىنبورگ ئىجتىمائىي پەنلەر ئوتتۇرا مەكتىپىگە مۇدىر بولغان. 7181 - 6181-يىللاردا ھېيدېلبېرگ داشۆسىنىڭ پەلسەپە پروفېسسورى بولغان. 1818-يىلى پرۇسسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرلىن داشۆسىنىڭ پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنىپ، پەلسەپە لېكسىيىسىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئېقىمىنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغان. 1830-يىلى بېرلىن داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغان، ئىككىنچى يىلى خولېرا كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان. ياش ۋاقتىدا روسسو ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرىدە ئەركىنلىككە ئىنتىلىپ، فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىغا تەلپۈنۈپ، سىياسىي ئىسلاھاتنى قۇۋۋەتلىگەن. ئەمما ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرىسىدىن قورققان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پرۇسسىيە مۇستەبىت سۇلالىسى بىلەن مۇرەسسەلىشىش يولىغا مېڭىپ، ئەينى چاغدىكى گېرمانىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى ئوبيېكتىپ ئىدېئالىزم بولۇپ، پۈتكۈل دۇنيانى مۇتلەق ئىدىيىنىڭ ئىپادىلىنىشى ۋە تەرەققىياتى دەپ قارىغان. ئۇنىڭ «مۇتلەق ئىدىيە» سى ئەمەلىيەتتە خۇدانىڭ باشقىچە ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇنىڭدىن لوگىكا، تەبىئەت ۋە روھتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەققىيات باسقۇچى شەكىللەنگەن، شۇڭا گېگېلنىڭ پەلسەپە سىستېمىسىمۇ مۇناسىپ ھالدا لوگىكا، تەبىئەت پەلسەپىسى ۋە روھ پەلسەپىسىدىن ئىبارەت ئۈچ ئورگانىك تەركىبىي قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. گېگېلنىڭ قارىشىچە، لوگىكا «ئىدىيە (ئەقىل) نىڭ ئۆزىدىكى ئۆزى ئۈچۈنلۈكىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن» بولۇپ، ئۇ ئۆز لوگىكىسىدا سان بىلەن سۈپەتنىڭ ئۆزئارا ئۆزگىرىشى، قارىمۇ قارشىلىقنىڭ بىرلىكى، ئىنكارنى ئىنكار قىلىشنى تەپەككۇر قانۇنىيىتى قىلىپ، ئىدېئالىزملىق ئۇسۇل ئارقىلىق شەرھلىگەن. بۇ دىئالېكتىكىلىق ئىدىيىلەر گېگېل پەلسەپىسىنىڭ مېغىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەبىئەت پەلسەپىسى «ئىدىيىنىڭ ياتلىشىشىنى ياكى چەتلىشىشىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن» بولۇپ، ئۇ بۇ يەردە ماددا بىلەن ھەرىكەتنىڭ بىرلىكى، شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى ۋە ئايلىنىشچانلىقى قاتارلىق ئەقىلغا مۇۋاپىق ئىدىيىلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. روھ پەلسەپىسى «ئىدىيىنىڭ چەتلىشىشتىن ئۆزىنىڭ ئەسلىگە قايتىشىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن» بولۇپ، ئۇ روھ پەلسەپىسىدە ئىجتىمائىي سىياسىي، ئېتىكا ۋە تارىخ توغرىسىدىكى ئىدېئالىزملىق نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە تارىخنىڭ ھەرقايسى جەھەتلىرىگە سىڭگەن تەرەققىيات يىپ ئۇچىنى تېپىشقا ئۇرۇنۇپ، تۇنجى قېتىم پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسى، تارىخ دۇنياسى ۋە روھ دۇنياسىنى ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىش، ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە تۇرغان جەريان، دەپ قارىغان ھەمدە ھەرىكەت ۋە تەرەققىي قىلىشنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى ئېچىپ بېرىشكە تىرىشقان. بۇ، گېگېلنىڭ غايەت زور تۆھپىسى. لېكىن ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى بىلەن مېتودىكىسى قارىمۇ قارشى بولۇپ، ماھىيەتتە ئىنقىلابىي ۋە تەنقىدىي بولغان دىئالېكتىكا كونسېرۋاتىپ بولغان ئىدېئالىزمنىڭ تۇنجۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىغان. ماركس بىلەن ئېنگېلس گېگېل دىئالېكتىكىسىنىڭ «ئەقىلغا مۇۋاپىق مېغىزى» نى تەنقىدىي قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ئىدېئالىزملىق شاكىلىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئىنقىلابىي ئۆزگەرتىش ئارقىلىق دىئالېكتىك ماتېرىيالىزمنى بارلىققا كەلتۈرگەن. گېگېل پەلسەپىسى ماركسىزملىق پەلسەپىنىڭ نەزەرىيە مەنبەلىرىدىن بىرى بولغان. ئاساسىي ئەسەرلىرى «پەلسەپە قامۇسى»، «لوگىكا» (ئادەتتىكى ئاتىلىشى «چوڭ لوگىكا»)، «قانۇن پەلسەپىسىنىڭ قائىدىلىرى»، «پەلسەپە تارىخى ھەققىدە لېكسىيە»، «تارىخ پەلسەپىسى ھەققىدە لېكسىيە»، «ئىستېتىكا ھەققىدە لېكسىيە»، «روھىي ھادىسە ئىلمى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

گېڭ-كۈي توپىلىڭى

  • گېڭ-كۈي توپىلىڭى[يەشمىسى:]چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرى قوزغىغان ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش. Ⅻ ئەسىردە مۈلكىي ئەمەلدارلار، يېقىن ۋەزىرلەر ھەدەپ يەرلەرنى قوشۇۋالغان ھەمدە ئوردا ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، ھەربىي ئەمەلدارلارنى كۆزگە ئىلماي چەتكە قاققان، شۇنىڭ بىلەن، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ مۈلكىي ئەمەلدارلارغا بولغان نارازىلىقى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيگەن. 1170-يىلى (يېزوڭنىڭ 24-يىلى گېڭ يىن) يېزوڭ مۈلكىي ئەمەلدارلارنى باشلاپ پوشەنيۇەندە سەيلە قىلىۋاتقاندا مۇھاپىزەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئوفىتسېرلاردىن جىن جۇڭفۇ، لى يىفاڭ قاتارلىقلار ئۇشتۇمتۇت ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، پادىشاھقا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن مۈلكىي ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈرگەن، پايتەختكە قايتقاندىن كېيىن مۈلكىي ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈرۈپ، يېزۇڭنى ئەمىلىدىن قالدۇرۇپ، جۇجىداۋ ئارىلىغا پالىۋەتكەن، ئۇنىڭ ئىنىسى مېڭزۇڭنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن. 1173-يىلى (مېڭزۇڭنىڭ 3-يىلى، كۇيجى) شەرقىي شىمالىي تەرەپ باسقاق بېگى جىن پۇداڭ، جىن جۇڭفو، لى يىفاڭلارنى ئۇجۇقتۇرۇپ، يېزۇڭنىڭ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان ۋە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى پىلانلىغان. جىن جۇڭفو، لى يىفاڭ قاتارلىقلار ئۇنى باستۇرۇپ، مۈلكىي ئەمەلدارلارنى يەنە قىرغان ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارنى مەركەز ۋە يەرلىك ئورۇنلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىگە تەيىنلەپ، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ھەربىي ئىشلىرى ئاپپاراتىنى ئەڭ ئالىي ھوقۇق ئورگىنى قىلغان. گىڭيىن، كۈييى يىللىرىدىكى ئىككى قېتىملىق ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشى تارىختا «گېڭ-كۇي توپىلىڭى» دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ھاكىممۇتلەقلىك ھالىتى 1258-يىلغىچە داۋاملاشقان.

گېلدىيە سوتسىيالىزمى

  • گېلدىيە سوتسىيالىزمى[يەشمىسى:] كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى سوتسىيالىزمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گىلد ئىنگلىزچە guild نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ياۋروپا ئوتتۇرا ئەسىردىكى كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنى كۆرسىتىدۇ. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيىدىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىدە كۆرۈلگەن بىرخىل بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىق پىكىر ئېقىمى. پېنتى (Arthur Joseph Penty، 1875 - 1937)، ھوبسون (Samuel George Hobson، 0491 - 4681)، كولې (George Douglas Howard Cole، 9591 - 9881) قاتارلىقلار ئۇنىڭ ۋەكىللىرى. بۇ ئېقىمدىكىلەر دۆلەتنىڭ سىنىپىيلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ئىشچىلار ئارىسىدا سىنىپىي كۈرەش قىلمايمۇ ئېكسپىلاتاتسىيىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ دېگەن خام خىيالنى تارقاتقان. بۇرژۇئا دۆلىتى دائىرىسى ئىچىدە كەسپىي ئىشلار دېموكراتىيىسى ۋە كەسپىي ئىشلار بويىچە ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشنى تەرغىپ قىلغان. ئىشچىلار، ئىنژېنېر-تېخنىك خادىملار كەسىپداشلار بويىچە كەسپىي گېلدلارنى تەشكىل قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى، دۆلەت مەھسۇلاتلارنى تەقسىم قىلىشقا مەسئۇل بولۇش ۋە ئومۇم خەلقنىڭ ئىستېمالىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. كەلگۈسىدىكى جەمئىيەت نۇرغۇن گېلدلاردىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە گەۋدە بولۇشى كېرەك، دەپ قارىغان. گېلد سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى كاپىتالىزم تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا «تىنچ» دەسسىتىشنى تەشەببۇس قىلغان، ئەمەلىيەتتە ئىشچىلار سىنىپىنى ئىنقىلابىي كۈرەشتىن چەتلەش، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرۇشقا يېتەكلىگەن.

گېلو دۆلىتى

  • گېلو دۆلىتى[يەشمىسى:] گېلو، گېلوفوسالو (Gilofosalo) ياكى گۇلو دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مالاي يېرىم ئارىلىدىكى قەدىمكى دۆلەت. بەزىلەر مالايشىيانىڭ كېداخ (Kedah) رايونىغا توغرا كېلىدۇ دەيدۇ. يەنە بەزىلەر بۈگۈنكى تايلاندنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ كرا (Kra) رايونىغا توغرا كېلىدۇ دەيدۇ. ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىچە، گېلو مىلادى Ⅸ ئەسىردە يېزىلغان ئەرەبلەر يازغان خاتىرىدىكى «Kalah» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش ئىكەن.

گېن-تائىرالارنىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىشى

  • گېن-تائىرالارنىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىشى[يەشمىسى:] ياپونىيە خىرا ياسۇ دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە گېن يورىماسا (0811 - 5011)، گېن يورىتومو بىلەن تائىراكىيومورىنىڭ ھاكىمىيەتنى تالىشىش ئۇرۇشى. گېن بىلەن تائىرا ئىككى جەمەتنىڭ نائىبلىق، گۈەنبېي ۋە يۈەنجىڭلارنىڭ ئۆزئارا ھوقۇق تالىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا سامورايلارنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقتىن ئۇلارنىڭ زىددىيىتى چوڭقۇرلاشقان. 1156-يىلىدىكى باۋيۈەن توپىلىڭى ۋە 1159-يىلىدىكى پىڭجى توپىلىڭىدىن كېيىن گېن جەمەتىنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ تائىرا جەمەتى ھاكىمىيەتنى ئىگىلىۋالغان. تائىرا كىيومورىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلىرى شىزاكاۋا Ⅱ، سېسىيو، كامباكولار ۋە راھىبلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، يەرلىك سامورايلارمۇ ئۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولغان. 1177-يىلى تائىرا جەمەتىنى يوقىتىش سۇيىقەستى يۈز بەرگەندە تائىرا كىيومورى ئۇنى دەرھال باستۇرغان بولسىمۇ، تائىرا كىيومورىغا قارشى كۈچلەر كۈنسايىن كۈچەيگەن. 1180- يىلى گېن يورىماسا كىيوتودا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە شىراكاۋا Ⅱ(1127— 1192) نىڭ ئوغلى ئىنئو (1151 — 1180) نىڭ نامى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى گېن جەمەتىدىكىلەرنى تائىرا جەمەتىگە زەربە بېرىشكە چاقىرغان. كانتودىكى چوڭ-كىچىك سامورايلار ئۆزلىرىنى گېن يورتومونىڭ قوينىغا ئېتىپ، فوجىچۈەن جېڭىدە تائىرا قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان، گېن يورىتومو كاماكۇرادا كومۇنجۇ (ئالاقە ئورنى، كېيىن سىياسىي ئورۇنغا ئۆزگەرتىلگەن) تەسىس قىلىپ، يەرلىك ھاكىمىيەت قۇرغان. ئىككىنچى يىلى، تائىرا كىيومورى ئۆلۈپ كەتكەن، تائىرا كىيومورىنىڭ كۈچى تەۋرىنىپ قالغان. كېيىن كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق، 1185-يىلى زەنچىۋۇ ئارىلىنى (بۈگۈنكى كاگاۋا ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز ئارىلى)، چاڭمىن تەنفو (سىمونوسېكى دېڭىز بوغۇزى) دىكى دېڭىز جېڭىدە تائىرا قوشۇنى يوقىتىلغان. 1192-يىلى گېن يورىتومو چەت ئەللىكلەرگە يۈرۈش قىلغۇچى سەردار بولغان ھەمدە كاماكۇرا شوگۇنلۇقىنى قۇرغان.

گېنت تۈزۈمى

  • گېنت تۈزۈمى[يەشمىسى:]ئىشسىزلارنى قۇتقۇزۇش تۈزۈمى. 1900-يىلى بېلگىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى گېنت (Gent) شەھىرىدە بەرپا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. يەنى ھەرقايسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى يەرلىك ھۆكۈمەتتىن ياكى مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن ئىشسىزلارنى قۇتقۇزۇش پۇلى ئېلىپ ئىشسىز ئىشچىلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى ئەمەسلەر ئالالمىغان. 1921-يىلى چېخوسلوۋاكىيە «گېنت تۈزۈمى» نى قانۇن ئارقىلىق يولغا قويغان.

گېنت سۈلھ شەرتنامىسى

  • گېنت سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق مۇستەقىللىك ئۇرۇشى (4181 - 2181) نى ئاياغلاشتۇرۇش شەرتنامىسى. ئەنگلىيە، ئامېرىكا 1814-يىل 12-ئاينىڭ 24-كۈنى گېنت (ھازىر بېلگىيىگە تەۋە) تا ئىمزالىغان. ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە 1783-يىلى ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىدە بەلگىلەنگەن ئامېرىكا دۆلەت چېگرىسىنى ساقلاپ قالغان. كېلىشىم تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپ دۆلەت چېگرىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئايرىش كومىتېتى قۇرۇشقا ۋە نېگىر قۇللار سودىسىنى مەنئى قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا ماقۇل بولغان. لېكىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەممە تالاش-تارتىش ھەل بولمىغان.

گېنت قوزغىلىڭى

  • گېنت قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] 1539 — 1540-يىللىرى فلاندېرىس گېنت شەھىرىدىكى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ كە قارشى كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭ. بۇنىڭغا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ زورلۇق بىلەن باج ئالماقچى بولغانلىقى سەۋەب بولغان. 1539-يىلنىڭ باشلىرىدا، كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئورنىنى شەھەر كەمبەغەللىرى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى نامرات دېھقانلار ئالغان. قوزغىلاڭ ئەتراپتىكى شەھەر ۋە يېزىلارغا كېڭەيگەن. قوزغىلاڭچىلار زالىم ئەمەلدارلارنى ۋە شەھەر مۇشتۇمزورلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ياكى قوغلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان. 1540-يىلى 2-ئايدا، چارلېس Ⅴ ئەسكەر باشلاپ گېنتكە كىرىپ قوزغىلاڭنى باستۇرغان.

گېنت كېلىشىمى

  • گېنت كېلىشىمى[يەشمىسى:]نېدېرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە جەنۇب بىلەن شىمال ئۆلكىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى 1576-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى گېنتتا ئىمزالىغان كېلىشىم. ئۇنىڭدا شىمال بىلەن جەنۇبنىڭ بىرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىسپانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، شىمال بۇرژۇئازىيىسى ۋە كالۋىنچى ئاقسۆڭەكلەر بىلەن جەنۇب كاتولىك ئاقسۆڭەكلىرى ۋە مۇتەئەسسىپ شەھەر ئاھالىسىگە مۇرەسسە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇنىڭدا نېدېرلاندنىڭ سابىق باش ۋالىيسى ئالبا جاكارلىغان بىدئەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش پەرمانىنى بىكار قىلىش، قوزغىلاڭچىلارغا چوڭ كەچۈرۈم قىلىش؛ جەنۇبتا كاتولىك دىنىنى ساقلاپ قېلىش، شىمالدا كالۋىن دىنىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى تىكلەش بەلگىلەنگەن. كېلىشىمدە نېدېرلاندىيىنىڭ مۇستەقىللىكى، كاتولىك چېركاۋىنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە فېئوداللىق يەر مۈلۈكچىلىكىنى يوقىتىش قاتارلىق زور مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنمىغان.

گېنتېلې

  • گېنتېلې[يەشمىسى:]Giovanni Gentile، 4491 - 5781) ئىتالىيىلىك پەيلاسوپ، يېڭى گېگېلچى. سىتسىلىيىدە تۇغۇلغان. 1898-يىلى پىسا داشۆسىدە دوكتور بولغان. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1898 - 1944-يىللىرى نېئاپول، پالېرمو، پىسا، رىم قاتارلىق جايلاردا داشۆ پروفېسسورى بولغان. 2291 - 3091-يىللىرى كروكې بىلەن بىرلىكتە «تەنقىد» نى چىقارغان. 1922 - 1924-يىللىرى جامائەت مائارىپ مىنىستىرى بولغان. 1925-يىلى «فرانسىيە زىيالىيلىرى خىتابنامىسى» دېگەن ئەكسىيەتچىل ھۈججەتنى ئېلان قىلغان. شۇ يىلى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەيئىتىدىكى ئىككى رەئىسنىڭ بىرى بولغان. شۇنداقلا يېڭى ئىتالىيە قامۇسىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولغان. فاشىستلار مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ناتسىست گېرمانىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىشتا تەرسالىق بىلەن چىڭ تۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە پارتىزانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇ، روھ تارىخنى ياراتقان، پەلسەپە روھنىڭ تارىخى، دۇنيانىڭ ياراتقۇچىسى؛ دۆلەت باشلىقىنىڭ ئىرادىسى روھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ ئۇ تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، دېگەننى تەرغىپ قىلغان؛ شۇڭا ئۇ فاشىستلار پەيلاسوپى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ «پېداگوگىكا ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، «سەنئەت پەلسەپىسى»، «مېنىڭ دىنىم» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

گېنجى ھەققىدە قىسسە

  • گېنجى ھەققىدە قىسسە[يەشمىسى:]ياپونىيىنىڭ خىراياسو دەۋرىدىكى رومان. ئاپتورى موراساكى شىكىبۇ. Ⅺ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغان. جەمئىي 54 توم، 1 مىليون خەتلىك. پۈتۈن ئەسەردە ئاقسۆڭەك ئوغۇل-قىزلارنىڭ مۇھەببىتى مەركەز قىلىنىپ، ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىنىڭ ھەر جەھەتتىكى تۇرمۇشى ۋە پسىخىك ھالىتى تەسۋىرلەنگەن، ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ زاۋالغا يۈز تۇتقان تارىخى پاش قىلىنغان. ئالدىنقى 44 تومىدا گېنجى باش قەھرىمان قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى قىزلار بىلەن بولغان مۇرەككەپ مۇھەببىتى ۋە شانۇ-شەۋكەتلىك تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن؛ كېيىنكى 10 تومدا گېنجىنىڭ نىكاھسىز بالىسى شۇنجون باش قەھرىمان قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئۇجى جىجۇن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەسۋىرلەنگەن، شۇڭا ئۇ «ئوجى ھەققىدىكى ئون قىسىم» دەپ ئاتالغان. بۇ كىتاب ياپونىيىنىڭ كېيىنكى ئەدەبىيات تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنداقلا دۇنيا ئەدەبىيات خەزىنىسىدىكى مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. خەنزۇچە تەرجىمىسى بار. 

گېنرو

  • گېنرو[يەشمىسى:] 1892 - 1940-يىللاردا ياپونىيە تېننوسىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىدىكى ئەڭ ئالىي مەسلىھەتچىلىرى. 1892-يىلى 8-ئايدا، ماتسۇكاتاماسايوشى كابىنېتى ئىستېپا بەرگەن چاغدا تېننو مىيجى ئىتو ھىروبۇمى، كۇرو داكىيوتاكا، ياماگاتائارىتومو قاتارلىقلارنى چاقىرىپ، كېيىنكى باش ۋەزىر نامزاتىنى مەسلىھەتلەشكەن. بۇ ئىش مۇشۇ تۈزۈمنىڭ رەسمىي باشلىنىشى بولۇپ قالغان. قاتناشقۇچىلار كېيىن ماتسۇكاتاماسايوشى، ئىنوۋى كائورو، سائىگوتسۇگومىچى ئويامائىۋائولەرگىچە كېڭەيتىلگەن، 1901-يىلى يەنە كاتسوراتارومۇ قاتناشتۇرۇلغان ياپونىيە-ئەنگلىيە ئىتتىپاقى، ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى قاتارلىق مۇھىم سىياسىي تەدبىرلەردە رول ئوينىغان. 1914-يىلى كونا كىنەزلىكتىن كېلىپ چىققان سايئونجى كىمموچىمۇ بۇ ئىشقا قاتناشقان. بۇ مەزگىلدە گېنرولار كەينى-كەينىدىن ئۆلۈپ كەتكەن، 1924-يىلى ماتسۇكاتا ئۆلگەندىن كېيىن پەقەت سايئونجى بىر كىشىلا قالغان. 1940-يىلى 7-ئايدا، يونائى كابىنېتى ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، سايئونجى كېيىنكى باش ۋەزىر نامزاتىنى قايتا كۆرسەتمىگەن. 11-ئايدا، سايئونجى ئۆلگەندىن كېيىن، بۇ تۈزۈم ئۆزلۈكىدىن ئاخىرلاشقان. 

گېنويە جۇمھۇرىيىتى

  • گېنويە جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:]ⅩⅧ - Ⅺ ئەسىرلەردىكى ئىتالىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەھەر دۆلىتى. لىگورىيە دېڭىزى بويىدا. قەدىمكى زاماندا لىگورېسلار (Iigures) ئولتۇراقلاشقان جاي. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىردە رىم ئىستېلا قىلغان. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىلگىرى-كېيىن بولوپ شەرقىي گوتلار، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى، لومباردلار ۋە فرانكلار ئىگىلىۋالغان.Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چارلېس ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن، بىر چېگرا رايون (مارك) بولۇپ، مارك گراف باشقۇرغان. كېيىن ھاكىمىيەت بىر ئېپىسكوپنىڭ قولىغا چۈشكەن. Ⅺ-Ⅹ ئەسىرلەردە، فرانسىيە، شىمالىي ئافرىقا، سىتسىلىيە، پەلەستىن، سۈرىيىلەر بىلەن قويۇق سودا ئالاقىسى ئورناتقان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئەھلى-سەلىپنىڭ بىرىنچى قېتىملىق شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىغا قاتناشقان، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئېرۇسالىم، ئانتى-يوكۇ، جاففا (Jaffa) قاتارلىق شەھەرلەردە مۇستەملىكە راي-ونى قۇرۇپ، سودا ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولغان. تەخمىنەن مۇشۇ مەزگىللەردە ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا شەھەر كوممۇنىسى شەكىللىنىپ، ھاكىمىيەت باي سودىگەرلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. 1261-يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىنى قوللىغان، ئۇلار مىننەتدارلىق ھېسابىدا، گېنويىنىڭ كونستانتىنوپول شەھەر ئەتراپى، قارا دېڭىز بويى ۋە كىچىك ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا بىر نەچچە سودا نۇقتىلىرىنى قۇرۇشىغا ماقۇل بولغان. 1284-يىلى ۋە 1298-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سودا جەھەتتىكى كۈچلۈك رەقىبى پىسا ۋە ۋېنېتسىيىلەرنى يەڭگەن. ⅩⅣ ئەسىردە ئىچكى قىسىمدا پاپا تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش كەسكىن بولغان. 1380-يىلى ۋېنتسىيە تەرىپىدىن يېڭىلىپ، خارابلاشقان. 5081 - 7971-يىللىرى نامىنى لىگورىيە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئۆزگەرتكەن. 1805-يىلى ئۇنى فرانسىيە يۇتۇۋالغان. 1815-يىلى ساردېگنا پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. كېيىن ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان. 

گېنويە يىغىنى

  • گېنويە يىغىنى[يەشمىسى:] «گېنويە خەلقئارا ئىقتىساد يىغىنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1922-يىل 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە ئىتالىيىدىكى گېنويەدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇنىڭغا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، بېلگىيە، ياپونىيە قاتارلىق 29 دۆلەت قاتناشقان، ئامېرىكا كۆزەتچى ئەۋەتىپ سىرتتىن قاتناشتۇرغان. يىغىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كاپىتالىزم ئومۇمىي كرىزىسى يۈز بەرگەن ۋە جاھانگىرلارنىڭ سوۋېت روسىيىسىگە قىلغان قوراللىق مۇداخىلىسى مەغلۇپ بولغان ئەھۋالدا، ئەنگلىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن چاقىرىلغان. جاھانگىر دۆلەتلەر يىغىن ئارقىلىق «خەلقئارا ھەمكارلىق» نى كۈچەيتىپ، «روسىيە مەسىلىسى» نى ھەل قىلماقچى بولغان؛ سوۋېت روسىيىسى بولسا يىغىن ئارقىلىق خەلقئارالىق ئورنىنى ياخشىلىماقچى ھەمدە كاپىتالىستىك دۆلەتلەر بىلەن نورمال سودا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، خەلق ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى تېزلەتمەكچى بولغان. يىغىن مەزگىلىدە، جاھانگىر دۆلەتلەر سوۋېت روسىيىسىدىن چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قەرزىنى تۆلەپ بېرىشنى، مۇسادىرە قىلىنغان چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى، تاشقى سودىنى مەخسۇس باشقۇرۇش تۈزۈمىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلغان. سوۋېت روسىيىسى ۋەكىلى يۇقىرىدىكى تەلەپلەرنى رەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەرقايسى دۆلەتلەرگە قوراللىق مۇداخىلە قىلىش ئارقىسىدا پەيدا بولغان زىياننى تۆلەپ بېرىش تەلىپىنى ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى ئازايتىش تەكلىپىنى قويغان، نەتىجىدە ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان. ئاخىرىدا يىغىننى گائاگادا داۋاملاشتۇرۇش قارار قىلىنغان. يىغىن داۋامىدا سوۋېت روسىيىسى گېرمانىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا «راپاللو شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان.

گېن يورىتومو

  • گېن يورىتومو[يەشمىسى:]1147 - 1199) ياپونىيە كاماكۇرا شوگونلۇقىنى بەرپا قىلغۇچى. گېن ياشتومو (0611 - 3211) نىڭ ئۈچىنچى ئوغلى. 1159-يىلى پىڭجى توپىلىڭىدا قولغا ئېلىنىپ، ئىدزوستىتو دېگەن يەرگە 20 يىل سۈرگۈن قىلىنغان. 1180-يىلى ئىنئو (0811 - 1511) نىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن قوشۇن تارتىپ شىچاۋشيەن جېڭىدە مەغلۇپ بولغان. كېيىن مىخو، سېنباتسۇكاسا قاتارلىق سامورايلارنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولغان، كاماكۇرانى تايانچ بازا قىلىپ، كەينى-كەينىدىن سامورايلار ئورنى، قومونجو (ئالاقە چىقىرىش ئورنى) ۋە مونچۇجۇ (سودا مەھكىمىسى) قاتارلىق ئورگانلارنى قۇرۇپ، كىيىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش ئۈچۈن ئاساس سالغان. 1185-يىلى تەنپو جېڭىدە تائىرا كىيومورىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقاتقان ھەمدە ئانا باشقا ئىنىسى گېن ياشىتسۇنې (1159 - 1189) نى قوغلاپ تۇتۇشنى باھانە قىلىپ جايلاردا قوغلاپ تۇتۇش خادىمىنى قويغان، كېيىن قوغدىغۇچى، يەر بېشى، خانلىق ئادەم قاتارلىقلارنى قويۇپ ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن، 1190-يىلى كيوتوغا بېرىپ، مەسلىھەتچى ئوڭ قول مۇھاپىزەت سەردارى بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستېپا بەرگەن. 1192-يىلى چەت ئەللىكلەرگە قارشى يۈرۈش قىلغۇچى سەردار بولۇپ، كاماكۇرا شوگونلۇقىنى قۇرغان. 

گېنيوشا

  • گېنيوشا[يەشمىسى:] ياپونىيىدىكى ئوڭ قانات تەشكىلات. 1884-يىلى كيۇشۇفۇكو-ئوكادا قۇرۇلغان. ئاساسلىق ئەزالىرى يېڭىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىنكى نارازى بولغان تۆرىلەردىن ئىبارەت. ئۇنىڭ كاتتىباشلىرى تويامامىتسۇرۇ، ھاكودا روكۇسۇكې ۋە ھىرائوكا كوتارو (ئۇيۇشمىنىڭ 1-قېتىملىق رەئىسى) لاردىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلات تېننوچىلىقنى، دۆلەت ھوقۇقچىلىقىنى، خەلق ھوقۇقچىلىقىنى ماختاپ، ھەربىيلەر، مالىيە زومىگەرلىرى، ئەمەلدارلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىچكى جەھەتتە ئىلغار كۈچلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، سىرتقا قارىتا ھۆكۈمەتنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىگە ماسلىشىش ئارقىلىق تېررورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. جياۋۇ يىللىرىدىكى جۇڭگو-ياپونىيە ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى چاۋشيەنگە قولچوماقلارنى كىرگۈزگەن، ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى ھارپىسىدا روسىيىگە قاتتىق قوللۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن ئامۇر دەريا ئۇيۇشمىسى، رونىنكاي قاتارلىق ئوڭ قانات تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ سىستېمىغا تەۋە بولۇپ كەتكەن. 1946-يىلى تارقىتىۋېتىلگەن. 

گېئورگىئو-دېچ

  • گېئورگىئو-دېچ[يەشمىسى:]Gheorghe Gheorghiu Dej، 1901 - 1965) رومىنىيە ئىشچىلار پارتىيىسى رەھبىرى. ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1930-يىلى رومىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1932-يىلى تۆمۈريول ئىشچىلىرى مەركىزىي ھەرىكەت كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1933-يىلى قولغا ئېلىنىپ، ھەربىي سوت تەرىپىدىن 12 يىللىق ئېغىر ئەمگەككە ھۆكۈم قىلىنغان. 1934-يىلى رومىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سىرتتىن سايلانغان. 1944-يىلى 8-ئايدا تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ، خەلقنىڭ گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا ۋە ئانتونېسكۇ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1945-يىلى رومىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. 1948-يىلى رومىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى قوشۇلۇپ، رومىنىيە ئىشچىلار پارتىيىسى بولغاندىن كېيىن باش سېكرىتار بولغان. 5591 - 2591-يىللىرى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى بولغان.5591 - 5691-يىللىرى رومىنىيە ئىشچىلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى بولغان. 5691 - 1691-يىللىرى دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان.

گېئورگېۋ

  • گېئورگېۋ[يەشمىسى:]Гаврил Георгиев، 7191 - 0781) بۇلغارىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. بلاگوئېۋ بىلەن بىللە «سوتسىيالىزم» ژۇرنىلىنى تەھرىرلىگەن. 1893-يىلىدىن كېيىن بۇلغارىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرىي ئەزاسى بولۇپ قالغان. 9091 - 9981-يىللىرى پارتىيىنىڭ ئورگان گېزىتى «ئىشچىلار گېزىتى» نى تەھرىرلىگەن. 1903-يىلى بۇلغارىيە ئىشچى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى (زىچلاش-قۇچىلار) نى ئۇيۇشتۇرۇش ئىشىغا قاتناشقان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان (9091 - 3091). كېيىن كېسەل سەۋەبى بىلەن سىياسىي پائالىيەتتىن ئايرىلغان.

گېئورگېΙ

  • گېئورگېΙ[يەشمىسى:] George (1845 - 1913) گرېتسىيە كورۇلى (1863 - 1913). شېلېۋېش-خورستام-زوندىپو-گېرۇسپوۋ جەمەتىدىن. دانىيە كورۇلى كرىستىئان Ⅸ نىڭ ئىككىنچى ئوغلى. 1863-يىلى ئەنگلىيىنىڭ تەلىپى ۋە فرانسىيە، روسىيىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن، گرېتسىيە خەلق پارلامېنتى ئۇنى گرېتسىيە كورۇلى قىلىپ سايلىغان. تەختتىكى مەزگىلىدە «گرېكلار كورۇلى» («گرېتسىيە پادىشاھى» ئەمەس) دېگەن نام بىلەن، ئۆزىنى ئاساسىي قانۇنلۇق كورۇل، دېموكراتىك كورۇل قىلىپ كۆرسەتكەن، لېكىن قوشنىلىرىنىڭ زېمىنىنى قوشۇۋېلىشقا تايىنىپ «بۈيۈك گرېتسىيە» قۇرۇپ چىقماقچى بولغان. سىرتقا نىسبەتەن ئەنگلىيىگە يېقىنلىشىش سىياسىتىنى قوللانغان، 1913-يىلى تىسسالونىكادا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن. 

گېئورگېⅥ

  • گېئورگېⅥ[يەشمىسى:]GeorgeⅥ، 1895 - 1952( ئەنگلىيە كورۇلى (1936 - 1952). گېئورگې Ⅴ نىڭ ئىككىنچى ئوغلى. ئېدۋارد Ⅷ نىڭ ئىنىسى. ئېدۋاردⅧ پادىشاھلىق تەختىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇرۇش مەزگىلى بىرلەشمە كابىنېت باش ۋەزىرى چىرچىلنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسەتلىرىنى ئاكتىپ قوللىغان. 1952-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، چوڭقىزىئېلىزابېتⅡ(- ElizabethⅡ 1921) تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. 

گېئورگې توپۇⅠ

  • گېئورگې توپۇⅠ[يەشمىسى:]George Tupou Ⅰ، 3981 - 7971) تاۋفا ئاخاۋ (Taufa ahau) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تونگا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (3981 - 5481). تەختتىكى مەزگىلىدە، تونگا تاقىم ئاراللىرى قەبىلىلىرىنىڭ تالاش-تارتىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بەرگەن؛ قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان؛ ئادەتتىكى پۇقرالار بىلەن ئاقساقاللارنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇش قانۇنىنى جاكارلىغان؛ ئادەتتىكى پۇقرالار ۋەكىللىرى قاتناشقان پارلامېنت تەسىس قىلغان؛ ئاساسىي قانۇن تۈزگەن، پۈتكۈل يەرلەرنىڭ پادىشاھقا مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى يولغان قويغان. ئىلگىرى-كېيىن ئەنگلىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن شەرتنامە تۈزۈشۈپ، پادىشاھلىقنىڭ مۇستەقىللىكى ئېتىراپ قىلىنغان. 

گېئورگىي دوسا قوزغىلىڭى

  • گېئورگىي دوسا قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ئەھلىسەلىپ جەڭچىلىرى قوزغىلىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋېنگرىيە دېھقانلىرىنىڭ فېئوداللىققا قارشى قوزغىلىڭى. 1514-يىلى 4-ئايدا، رىم پاپاسى لېئو Ⅹ (Leo Ⅹ، 1513 - 1521-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ۋېنگرىيە ئارخېئېپىسكوپىنىڭ تەلىپى بىلەن تۈركلەرگە قارشى ئەھلىسەلىپ ئۇيۇشتۇرۇشنى جاكارلىغان. لېكىن قوشۇنغا ئېلىنغان دېھقانلار قوزغىلىپ، ئۆز دۆلىتىدىكى فېئوداللارغا قارشى تۇرغان. بۇنىڭغا كىچىك ئاقسۆڭەك گېئورگىي دوسا (Dózsa Gyorgy، تەخمىنەن 1470 - 1514) رەھبەرلىك قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي، قوزغىلاڭ پۈتۈن ۋېنگرىيە ۋە ترانسلۋانىيە (شۇ چاغدا ۋېنگرىيىگە قارايتتى) نى قاپلاپ كەتكەن، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى تەرەققىي قىلىپ نەچچە ئونمىڭغا يەتكەن، دېھقانلاردىن باشقا، بىر مۇنچە شەھەر كەمبەغەللىرىمۇ قاتناشقان. دوسا يانچىلىق تۈزۈمىنى يوقىتىپ، ئىجتىمائىي باراۋەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ۋېنگرىيىنى جۇمھۇرىيەت دەپ ئېلان قىلىش پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. فېئودال ئاقسۆڭەكلەر ئەكسىيەتچى قوراللىق كۈچلەرنى توپلاپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى تۆت ئاي پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلغان بولسىمۇ، شۇ يىلى 7-ئايدا مەغلۇپ بولغان. گېئورگىي دوسا ئەسىرگە چۈشۈپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. قوزغىلاڭچىلارنىڭ قالدۇق كۈچلىرى شۇ يىلنىڭ كۈز پەسلىگىچە كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. تەخمىنەن 50 مىڭ دېھقان ئۆلتۈرۈلگەن.

گېئورگې گرېي

  • گېئورگې گرېي[يەشمىسى:]George Grey، 8981 - 2181) يېڭى زېلاندىيە باش ۋالىيسى (3581 - 5481، 1861 - 1868)، زۇڭلىسى (9781 - 7781). لېسسابوندا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئەنگلىيە ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1840-يىلى ئاۋسترالىيە قىتئەسى يەرلىك ئاھالىلىرى توغرىسىدىكى دوكلاتنى يېزىپ، مۇستەملىكە رايون ئەمەلدارلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. شۇ يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جەنۇبىي ئاۋسترالىيە مۇستەملىكە رايونلىرىنىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن. يېڭى زېلاندىيىگە باش ۋالىي بولغان مەزگىلىدە، شىمالدىكى مائورىلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرغان، مائورىلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغان. يەرلىك ئاھالىلەر رايونىدا يەرلىك سوت مەھكىمىلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، رايونلارغا ئايرىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلغان، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىيلىرىغا زۆرۈر ھوقۇقلارنى بەرگەن. 1854-يىلى كاپ مۇستەملىكىلەر رايونىنىڭ باش ۋالىيسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولغان. 1860-يىلى يېڭى زېلاندىيە تاراخاكى رايونىدا مائورىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشى پارتلىغاندىن كېيىن، يەنە يېڭى زېلاندىيىنىڭ باش ۋالىيسى بولۇپ، مائورىلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، قوراللىق كۆچمەنلەر رايونىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن قوماندان كامېرون بىلەن كېلىشەلمەي، خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان. 1874-يىلى يېڭىباشتىن يېڭى زېلاندىيە سىياسىي ساھەسىگە كىرگەن. يېڭى زېلاندىيىگە زۇڭلى بولغاندا، سايلام تۈزۈمى، يەر مەسىلىسى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىق جەھەتلەردە بەزى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈملۈك تۈردە يولغا قويۇلمىغان. 1894-يىلى ئەنگلىيىگە قايتىپ كەتكەن. لوندوندا ۋاپات بولغان.

گېئورگې مونك

  • گېئورگې مونك[يەشمىسى:]George Monck ، 1608 — 1670) ئەنگلىيە گېنېرالى. 1642-يىلى، ئەنگلىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، دەسلىپىدە كورۇل تەرەپدارلىرى تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلغان، 1644-يىلى پارلامېنت قوشۇنىغا ئەسىر چۈشۈپ پارلامېنتقا تەسلىم بولغان. كېيىن ئىرلاندىيە قوزغىلىڭى ۋە شوتلاندىيە كورۇل تەرەپدارلىرىنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتنىشىپ، بارا-بارا كرومۋېلنىڭ ئېتىبارلاپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشكەن. 1652-يىلى گوللاندىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا قوماندانلىق قىلغان. 1654-يىلى شوتلاندىيىدە تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. كرۇمۋېل ئۆلگەندىن كېيىن، 1660-يىلنىڭ بېشىدا قوشۇن باشلاپ، شوتلاندىيىدىن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، لوندوننى ئىگىلەپ، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، ستۇئارت سۇلالىسىدىن چارلېسⅡنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىنى قوللىغان. كېيىن ئالبىمال كىنەزى، زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ زوراغاسى، ئەنگلىيە ئارمىيىسى قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن.

گېئوفرېي

  • گېئوفرېي[يەشمىسى:]Geoffrey chaucer، تەخمىنەن 1342 — 1400) ئەنگلىيىلىك شائىر. «ئەنگلىيە ناخشا-قوشاقلىرىنىڭ بوۋىسى» دەپ نام ئالغان. لوندوندىكى بىر ھاراق سودىگىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئاقسۆڭەككە مۇلازىم بولغان. ئەنگلىيە-فرانسىيە يۈز يىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 1359-يىلى قوشۇن بىلەن بىللە فرانسىيىگە كېلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي ئەسىرگە چۈشكەن. كېيىن پۇل تۆلەپ ئەركىنلىككە ئېرىشكەن. 1367 — 1378-يىللىرى بۇيرۇققا بىنائەن، كۆپ قېتىم فىلاندېس، فرانسىيە ۋە ئىتالىيىگە ئەلچى بولۇپ بارغان ھەمدە ئىتالىيىدە پېتراك ۋە بوكاكىئو بىلەن تونۇشقان، 1374 — 1384-يىللىرى لوندون پورتىدا قوي يۇڭى، كۆن-خۇرۇم ۋە ھاراق تاموژنىسى نازارەتچىسى بولغان. 1385-يىلى كېنت ۋىلايىتى ئامانلىقنى ساقلىغۇچى سوت ئەمەلدارى بولۇپ، ئىككىنچى يىلى مۇشۇ ۋىلايەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە تۆۋەن پالاتانىڭ ئەزاسى بولغان. 1389 — 1391-يىللىرى ئوردىنىڭ باش غوجىدارى بولغان. ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئەسىرى بايان خاراكتېرلىك داستان «تېرولېس بىلەن كېرېسېدا» دا يېڭىدىن گۈللەنگەن شەھەر ئاھالىسى سىنىپىنىڭ تۇرمۇش غايىسى ئىپادىلەنگەن. ۋەكىللىك ئەسىرى «كېنتېر بېرى ھېكايىلىرى» دا رېئالىزملىق ئۇسۇل ئارقىلىق، ⅪⅤ ئەسىردىكى ئەنگلىيە جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى سىنىپ تەبىقىلەرنىڭ ۋەكىللىرى تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭدا كاتولىك مىسسىئونېرلىرى ئاچچىق مەسخىرە قىلىنىپ، تۇرمۇشنى سۆيۈش گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، گۇمانىزملىق خاھىشقا ئىگە بولغان. ئۇنىڭدىكى ژانىرلار پوكاكىئونىڭ «10كۈنلۈك سۆھبەت» تىكىگە ئوخشاپراق كەتسىمۇ، لوندون دىئالېكتى بىلەن يېزىلغان (شۇ چاغدا ئەنگلىيە ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتى ئومۇميۈزلۈك فرانسۇزچىنى ئىشلىتەتتى)لىقتىن، ئەنگلىيە مىللىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن داستان. ئۇ «شۆھرەت زالى» قاتارلىقلارنىمۇ ئىجاد قىلغان.

گېۋارا

  • گېۋارا[يەشمىسى:]Ernesto Che Guevara Serna، 1928 — 1976) كۇبا ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. ئارگېنتىنادىكى روسارىئودا تۇغۇلغان. ئەسلى بۇئېنوس-ئايرېس داشۆسىدە تىببىي ئىلمنى ئۆگەنگەن. 1952-يىلى ئوقۇشتىن قالغاندىن كېيىن، چىلى، پېرۇ، كولومبىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئايلىنىپ چىققان. كېيىن ئارگېنتىنادا تىببىي ئىلىمنى ئۆگىنىشنى ئاياغلاشتۇرغان. 1953-يىلى يەنە بىرقېتىم ئارگېنتىنادىن ئايرىلىپ گۋاتېمالاغا بېرىپ، ئاربېنىس ھۆكۈمىتىنى قوللىغان، ياندۇرقى يىلى ئاربېنىس ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، مېكسىكىغا بېرىپ كاسترو (Fidel Castro Ruz-1926) رەھبەرلىك قىلغان سەرگەردان ئىنقىلابچىلار گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان. 1956-يىلى ئاكا-ئۇكا كاسترو قاتارلىقلار بىلەن بىللە مېكسىكىدىن «گراما»ناملىق ساياھەت كېمىسىگە ئولتۇرۇپ كۇبانىڭ ئولەنتې ئۆلكىسىدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، باتىستا مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى پارتىزانلىق كۈرىشىنى قوزغىغان. ھەربىي ئۇنۋانى مايور. 1959-يىلى كۇبا يېڭى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يېڭى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كۇبا پۇقراسى دەپ جاكارلانغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۇبا دۆلەتلىك بانكىنىڭ باشلىقى، سانائەت مىنىستىرى، كۇبا بىرلەشكەن ئىنقىلابىي تەشكىلاتى مەملىكەتلىك رەھبەرلىك كومىتېتى سېكرىتارىياتنىڭ سېكرىتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1960-يىلدىن باشلاپ، «پارتىزانلىق مەركىزى»نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1965-يىلى كۇبادىكى ئەمىلى ۋە ھەربىي تەۋەلىكى، ھەربىي ئۇنۋانىدىن ئىستېپا بەرگەن ھەمدە كۇبا دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كەچكەن. ئاۋۋال ئافرىقىدىكى زايىرغا بارغان، كېيىن بولىۋىيىگە كىرىپ «پارتىزانلىق مەركىزى» تەشكىلاتى قۇرۇپ، قوراللىق ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. 1967-يىلى، جەڭدە يارىدار بولۇپ، بولىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ «پارتىزانلىق ئۇرۇشى»، «كۇبا ئىنقىلابىي ئۇرۇشىدىن ئەسلىمىلەر»، «چى. گېۋارانىڭ بولىۋىيىدىكى كۈندىلىك خاتىرىلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

گېۋاراچىلىق

  • گېۋاراچىلىق[يەشمىسى:] يەنى «پارتىزانلىق مەركەزچىلىكى». كۇبا ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان، گېۋارا تەرغىب قىلغان بىرخىل ھەربىي ئىنقىلابىي ئىدىيە. گېۋارا قوراللىق گۇرۇپپا-ئىنقىلابىنىڭ «سىياسىي ئاۋانگارت ئەترىتى»، پارتىزانلار ئەترىتى «قەتئىي، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان كىچىك تۈركۈمدىكى كىشىلەر»گە تايىنىشى، شەھەرلەردىكى ئاز سانلىق ياش ئوقۇغۇچىلار ۋە زىيالىيلارنى قوبۇل قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن «مەركىزىي يادرو» نى تەشكىل قىلىپ، چەت ياقا رايونلاردا پارتىزانلىق ئۇرۇش ئېلىپ بېرىشى، «زەربە بېرىپلا قېچىش» تاكتىكىسىنى قوللىنىشى، ئەڭ دەسلەپكى بىرنەچچە غەلىبە ئارقىلىق ئاممىنى ئۆز تەرىپىگە تارتىشى، شۇنىڭ بىلەن ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك، دەپ ھېسابلىغان. 60-يىللاردا، بۇنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى تەسىرى ناھايىتى زور بولغان. 1965-يىلى 4-ئايدا، گېۋارا كۇبانىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيىدىكى ۋەزىپىسىدىن رەسمىي ئىستېپا بېرىپ، دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كېچىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئافرى-قىدىكى زايىرغا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بولىۋىيىگە بېرىپ«پارتىزانلىق مەركىزى»نى يولغا قويغان، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان. گېۋارانىڭ ئۆزى 1967-يىلى 10-ئايدا بولىۋىيىدە ئۆلتۈرۈلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسلەك لاتىن ئامېرىكىسىدا پەيدىنپەي ئاجىزلاشقان.

گېيۇيمېن ئۆزگىرىشى

  • گېيۇيمېن ئۆزگىرىشى[يەشمىسى:] يەنى «ھەرەم قوۋۇقى ئۆزگىرىشى».

گېيېر

  • گېيېر[يەشمىسى:]Florian Geyer ياكى Ceier، تەخمىنەن 1490 — 1525). 1524 — 1525-يىللاردىكى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. ئەسلى فرانكونىيە رىتسارى. 1525-يىلى 4-ئاينىڭ بېشىدا، دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، «قارا ئارمىيە» دەپ ئاتىغان. فرانكونىيە دېھقانلىرى ئوتتۇرىغا قويغان فېئوداللىق ئالۋان-ياساقلارنى تاپشۇرۇشنى توختىتىش، تەبىقىلەر باراۋەرلىكىنى يولغا قويۇش، خەلق بىلەن دۈشمەنلەشكەن فېئوداللارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش قاتارلىق تەلەپلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ فروئېنبورگ، زورسدوف، ئىنگورىستات قاتارلىق بىرقانچە جايلاردا بەگلىك ئارمىيىسىگە باتۇرلۇق بىلەن زەربە بەرگەن. 6-ئاينىڭ 9-كۈنى خاريېنىدىكى جەڭدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، قۇربان بولغان.

گىببون

  • گىببون[يەشمىسى:] Edward Gibbon، 1737 — 1794) ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس. بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1752-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مودلىن ئىنستىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇپ، رىم كاتولىك چېركاۋىغا قاتناشقان. 1753 — 1758-يىللىرى شۋېتسارىيىدە گالۋىن دىنى پوپىدىن يۇنان ۋە رىمنىڭ مەشھۇر كلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئۆگەنگەن، فرانسىيە مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچراشقان. 1754-يىلى قايتىدىن پروتېستانت دىنىغا كىرگەن. ۋولتېر قاتارلىقلار بىلەن تونۇشقان. دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن ئارمىيە ساھەسىدە تۆت يىل خىزمەت قىلغان. 1763-يىلى ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ساياھەت قىلغان. 1764-يىلى رىمغا بېرىپ، قەدىمكى ئاسار ئەتىقىلەرنى زىيارەت قىلغان. «رىم ئىمپېرىيسىنىڭ يوقىلىش تارىخى» دېگەن ئاساسلىق ئەسىرى بولۇپ، ئۇ مەرىپەت دەۋرى تارىخ ئىلمىدا ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەر ھېسابلىنىپ، يېقىنقى زامان تارىخىدىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتقان.

گىببىس

  • گىببىس[يەشمىسى:]Josiah Willard Gibbc، 1839 — 1903) ئامېرىكىلىق فىزىك، خىمىك. كوننېكتىكۇت شتاتىدا تۇغۇلغان. 1863-يىلى يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى بولغان. ئانا مەكتىپىدە لاتىن يېزىقى ۋە تەبىئىي پەندىن دەرس ئۆتكەن. 1866 — 1869-يىللىرى پارىژ، بېرلىن ۋە ھېيدېلبېرگتا ئوقۇغان. 1871 — 1903-يىللىرى يالې ئۇنىۋې-رسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا، فىزىكا پروفېسسورى بولغان. پۈتۈن كۈچى بىلەن خىمىيە تېرمودىنامىكىسىنى تەتقىق قىلىپ، «تەكشى بولمىغان جىسىملارنىڭ مۇۋازىنەتلىكى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ، فىزىئو-خىمىيىسىنىڭ بىر قىسىم نەزەرىيىسىنى ياراتقان. بۇنىڭ بىلەن، گېرمانىيىدە ئاممىياكنى بىرىكتۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، ئەنگلىيىدە ئاممونىي نىترات ئىشلەنگەن ھەمدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ «گىببىس نىسپىيلىك قانۇنى» كەشپ قىلىنغان. ماتېماتىكا ۋە ۋېكتورلار ئانالىزىغىمۇ تۆھپە قوشقان. ستاتىستىكىلىق مېخانىكا جەھەتتە سىستېما ئۇقۇمىنى كىرگۈزگەن ھەمدە كۆتۈرۈلۈش ۋە پەسىيىش ھادىسىسىنىڭ نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قىسمىنى كۋانت ستاتىستىكىسىدا قوللانغان. «ستاتىستىكىلىق مېخانىكىنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

گىبېللىنچىلار

  • گىبېللىنچىلار[يەشمىسى:] يەنى «پادىشاھ تەرەپدارلىرى». «پاپا تەرەپدارلىرى» غا قارالسۇن.

گىتلېر

  • گىتلېر[يەشمىسى:]Adolf Hitler، 1889 — 1945)، فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ فيورىرى (دۆلەت باشلىقى، 1934 —1945)، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئۇرۇش جىنايەتچىسى. ئاۋسترىيىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى تاموژنا ئەمەلدارى. لىنىس قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ، كېيىن ۋېنادا رەسىم سىزىش ۋە بىناكارچىلىقنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە ئارمىيىسىدە مىلادشى سېرژانت بولغان. 1919-يىلى گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى (بۇ پارتىيە ئىككىنچى يىلى مىللىي سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى، يەنى ناتسىستلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن) گە قاتناشقان ھەمدە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1921-يىلى 7-ئايدا بۇ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، پارتىيە كاتتىبېشى بولغان. 1923-يىلدىكى پىۋىخانا توپىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن بىر مەزگىل تۈرمىگە تاشلانغان. 1924-يىلى 12-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. ئىككىنچى يىلى ناتسىستلار پارتىيىسىنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ چىققان. 1933-يىلى 1-ئايدا، مونوپول گۇرۇھىنىڭ قوللىشى بىلەن زۇڭلى بولغان. ئىككىنچى يىلى 8-ئايدا گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ھىندېنبۇرگ ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزىنى دۆلەت باشلىقى، قوشۇمچە زۇڭلى دەپ ئاتىغان. پارلامېنتنى تارقىتىپ بارلىق ئۆكتىچى پارتىيىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. فاشىستىك دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈپ، كوممۇنىستلار، ئىلغار زاتلار ۋە يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلغان ۋە ئۇلارنى قىرغان ھەمدە ئەسكەر كۆپەيتىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان. 1936-يىلى بېرلىن-رىم ئوق مەركىزىنى قۇرۇپ،رېين غەيرىي ھەربىي رايونىغا بېسىپ كىرگەن، ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا قوراللىق ئارىلاشقان. ئىككىنچى يىلى ئىتالىيە، ياپونىيە بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق تۈزگەن. 1938-يىلى گېرمانىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئالىي قوماندانى بولغان. ئاۋسترىيىنى ۋە چېخوسلوۋاكىيىنىڭ سودېت رايونىنى يۇتۇۋالغان. 1939-يىلى 3-ئايدا پۈتكۈل چېخوسلوۋاكىيىنى بېسىۋالغان. 9-ئايدا پولشاغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1941-يىلى 6-ئايدا «سوۋېت ئىتتىپاقى-گېرمانىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى»نى يىرتىپ تاشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغان. 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى بېرلىننى قورشىۋالغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۆزىنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم»، «گىتلېرنىڭ ئىككىنچى كىتابى» (1961-يىلى نەشىر قىلىنغان) ناملىق ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ ئۇچىغا چىققان ئەكسىيەتچىل شوۋىنىزم، قىساسچىلىق ۋە ئىرقچىلىق ئىدىيىلىرىنى تەرغىب قىلغان.

گىددىنگىس

  • گىددىنگىس[يەشمىسى:]Franklin Henri Giddings، 1855 — 1931) ئامېرىكىلىق سوتسولوگ. كوننېكتىكۇت شتاتىدا تۇغۇلغان. 1877-يىلى بىرلەشمە ئىنستىتۇتنى پۈتتۈرگەندىن كېين ئاخبارات مۇخبىرى بولغان. 1988 — 1894-يىللىرى برىنمار ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىسادشۇناسلىقتىن دەرس ئۆتكەن. 1894 — 1928-يىللىرى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇنجى سوتسولوگىيە پروفېسسورى بولغان. كېين ئامېرىكا سوتسولوگىيە جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا سوتسولوگىيە تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بولغان. تەدرىجىي تەرەققىياتچىلىقنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان، جەمئىيەتشۇناسلىقنى تارىخ ۋە بايان قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈشكە بولىدۇ، «بايان قىلىش»ئوخشاش ئاڭ تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، دەپ قارىغان. جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جەريانىنى بىرلىشىش، جەمئىيەت روھىي ھالىتى، جەمئىيەتنىڭ شەكىللىنىشى، جەمئىيەتنىڭ تەشكىللىنىشىدىن ئىبارەت تۆت باسقۇچقا بۆلگەن. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ھايۋانلارنىڭ بىرلىشىشى، ئىنسانلاردا بولىدىغان بىرلىشىش، ئىرقتا بولىدىغان بىرلىشىش ۋە خەلقتە بولىدىغان بىرلىشىش بولىدۇ، دەپ قارىغان. 1906-يىلى ئوبيېكتىپچىلىققا يۈزلەنگەن. جەمئىيەتنىڭ ماھىيىتىنى كومپلېكس سان ھەرىكىتى دەپ قارىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا سوتسولوگىيىنى بىر پەنگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، سان جەھەتتىكى ئۆزگىرىشنى تەكىتلەپ، ستاتىستىكا ئىلمىنى ئېلىپ كىرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «سوتسولوگىيە قائىدىلىرى»،«ئىنسانلار جەمئىيىتى نەزەرىيىسى تەتقىقاتى»،«ئىنسانلار جەمئىيىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات» قاتارلىقلار بار.

گىدىي

  • گىدىي[يەشمىسى:]Andre Gide، 1869— 1951) فرانسىيىلىك يازغۇچى ۋە ئوبزورچى. ئۇ كاپىتالىستىك جەمئىيەتنى تەنقىد قىلغان، لېكىن چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك ۋە غەيرىي ئەخلاقچىلىقنى تەشۋىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن.1909-يىلى «يېڭى فرانسىىيە ئوبزورى» ناملىق ژۇرنالنى نەشىر قىلىشقا ھەمكارلاشقان.1927-يىلى كونگوغا بارغاندىن كېيىن «كونگو سەپىرى» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، مۇستەملىكىچىلىكنى تەنقىد قىلغان. 1936-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولۇپ، بىر مەھەل سوتسيالىزمغا ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مىللىي غۇرۇرىنى يوقىتىپ گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا خۇشامەت قىلغان، ئۇنىڭ «يەر-زېمىننىڭ مېۋىسى»، «ئەخلاقسىز كىشى»، «يول بەك تار»، «ۋاتىكاننىڭ يەر ئاستى ئۆيى»، «ساختا پۇل ياسىغۇچىلار» ۋە «ئەدەبىي ئوبزورلار» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 1947-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

گىرالدېس

  • گىرالدېس[يەشمىسى:]Ricardo Guiraldes، 1886 — 1927) ئارگېنتىنالىق يازغۇچى، كېسەل بىلەن قازا قىلغانغا قەدەر ئۇزاققىچە پارىژدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. «دانسەيگوندو سومبولا»دېگەن رومانىدا پامپاس يايلىقىدىكى چارۋىچىلارنىڭ غايىۋى ئوبرازىنى ياراتقان، بۇ ئەسەر ئارگېنتىنا ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە «لاۋگيور»، «روسسائودا»، «سائىماكا» دېگەن رومانلىرى، «ئۆلۈم ۋە قان ھەققىدە ھېكايە»، «ئەينەك قوڭغۇراق» دېگەن شېئىرلار توپلىمى ۋە «بۇئېنوس ئايرېس ھەققىدە ئالتە پارچە ھېكايە»دېگەن ئەسىرى قاتارلىقلار بار.

گىرائۇد

  • گىرائۇد[يەشمىسى:]Henri Giraud،1879 — 1949)فرانسىيە گېنېرالى. 1900-يىلى سېن-سىر (Сиp-Сэнн)ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تۇنىس ۋە ماراكەشتىكى فرانسىيە ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1922 — 1926-يىللىرى ماراكەش خەلق قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1927 — 1930-يىللىرى ھەربىي ئىنستىتۇتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1930-يىلدىن كېيىن يەنە ماراكەش ۋە ئالجىرىيىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1936-يىلى مېتس ئالتىنچى ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا زەربە بېرىپ، ئىلگىرى-كېيىن يەتتىنچى ۋە توققۇزىنچى كورپۇسلارنىڭ باشلىقى بولغان، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىر چۈشكەن. 1942-يىلى 4-ئايدا تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ، ئافرىقىغا بارغان، ئىتتىپاقداش ئارمىيە شىمالىي ئافرىقىدا قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، شىمالىي ئافرىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1943-يىلى يازدا ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، دې. گولل بىلەن بىللە فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا بۇ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1944-يىلى 4-ئايدا شىمالىي ئافرىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىدىنمۇ ئىستېپا بەرگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن، 1948-يىلى فرانسىيە ئالىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. «قېچىشىم»، «بىردىنبىر نىشان، غەلىبە، ئالجىرىيىنىڭ 1942 — 1944-يىللىرى»قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

گىرزا مەدەنىيىتى

  • گىرزا مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] ناچادا مەدەنىيىتى Ⅱ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىسىرنىڭ برونزا، تاش قوراللار تەڭ ئىشلىتىلگەن دەۋردىكى مەدەنىيىتى. نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى گىرزا (El-Girza)دىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ مەدەنىيەت باسقۇچىغا تەڭ كېلىدىغان خارابىلەر نىل دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى جايلاردىن نوبىيە تەۋەسىگىچە تارالغان. ئامرا(ياكى ناچادا I مەدەنىيىتى)دىن كېيىن، تەخمىنەن مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كېلىدۇ.يېڭى تاش قوراللار يەنىلا ئىشلىتىلگەن، لېكىن تاۋلاپ ياسالغان برونزا قوراللىرى ۋە قورال-ياراقلىرى، مەسىلەن، پىچاق، ئۈشكە، پالتا، بىگەن ۋە خەنجەر مەيدانغا كەلگەن، شۇنىڭدەك ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملىرىنى ئىشلەشمۇ بارلىققا كەلگەن.ساپال قاچىلارغا رەڭلىك سۈرەتلەر سىزىلغان بولۇپ، غەربىي ئاسىيا ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئىقتىسادىي تۇرمۇشتا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان، قول سانائەتتە ئىش تەقسىماتى مەيدانغا كەلگەن ھەمدە ئىپتىدائىي ئالماشتۇرۇش بارلىققا كەلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى گىرزا مەدەنىيىتىنىڭ پاترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، سىنىپى جەمئىيەتكە ئۆتۈشكە باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

گىروندېچىلار

  • گىروندېچىلار[يەشمىسى:] فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي مەزگىلىدە، چوڭ سودا-سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سىياسىي گۇرۇھ، باشلىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى گىروندې (Gironde)ئۆلكىسىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئاساسلىق رەھبەرلىرى برىسسو، كوندورسېت، رولاند خانىم قاتارلىقلار. ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ياكۇبىن كۇلۇبىغا قاتنىشىپ، كېيىن بارا-بارا روبېسپېر رەھبەرلىكىدىكى سول قاناتلاردىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، مۇستەقىل گۇرۇھنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ گۇرۇھ پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1792-يىلى 3-ئايدا بىر مەھەل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 1792-يىلى 10-ئاۋغۇست ئىنقىلابىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، بۇرژۇئازىيە مەنپەئىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ، ئىنقىلابنى توختىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ يىلى 10-ئايدا ياكۇبىن كۇلۇبىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1793-يىل 31-ماي ۋە 2-ئىيۇل قوزغىلاڭلىرىدا ئاغدۇرۇلغان. بىر قىسىم ئەزالىرى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە سۈرگۈن قىلىنغان؛ قالغانلىرى باشقا جايلارغا قېچىپ كېتىپ پادىشاھ تەرەپدارلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، توپىلاڭ كۆتۈرگەن. تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن قالدۇق گىروندېچىلار چاقىرىپ كېلىنگەن ھەمدە يېڭىباشتىن مىللىي ئۇيۇشمىسىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، تومۇز ئاي پارتىيىسىنىڭ تايانچ كۈچى بولۇپ قالغان.

گېرتسوگ

  • گېرتسوگ[يەشمىسى:]1)غەربىي ياۋروپادىكى ئۇنۋان نامى. ئىنگلىزچىدە duke، فرانسۇزچىدا duc، ئىتالىيانچىدە duca يېزىلىدۇ. ئەسلىدە لاتىنچىدىكى dux(مەنىسى «قوماندان»)دېگەن سۆزدىن كەلگەن. ئەسلىدە رىمنىڭ چەت چېگرا ئۆلكىسىدىكى ھەربىي قومانداننىڭ نامى بولغان، يەنە ئۆلكىنىڭ ھەربىي باشلىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. نېمىسچە Herzog يېزىلىدۇ، قەدىمكى گېرمان تىلىدا hcrizog دەپ ئېيتىلىدۇ. بۇ ئەسلىدە گېرمانلارنىڭ قەبىلە باشلىقىنى كۆرسىتىدۇ. فرانك پادىشاھلىقى دەۋرىدە، گېرتسوگ دۆلەتنىڭ ئەمەلدارى ھېسابلانغان. غەربىي ياۋروپادىكى فېئودال بۆلۈنمە ھالەتتىكى دەۋردە بولسا، فېئودال خوجايىنغا ئايلانغان بولۇپ، ئۆز ئالدىغا كېنەزلىككە ئىگە بولغان. مەسىلەن: فرانسىيىدىكى ئاكۋىتانىيە كېنەزلىكى، بوئورگوگنى كېنەزلىكى، نورماندى كېنەزلىكى، گېرمانىيىدىكى ساكسون كېنەزلىكى، باۋارىيە كېنەزلىكى قاتارلىقلار. پادىشاھنىڭ ھوقۇقى كۈچەيگەندىن كېيىن، بۇ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋانى بولۇپ قالغان. ئورنى پادىشاھتىن كېيىن تۇرىدۇ. (2)سلاۋىيان دۆلەتلىرىدىكى ئۇنۋان نامى (رۇسچە Князь، پولەكچە Kniaz، چېخچە Knizeدېيىلىدۇ). ئەسلى قەبىلە باشلىقىنى كۆرسىتەتتى. فېئوداللىق تۈزۈم شەكىللەنگەن مەزگىلدە، كىنەزلىككە ئىگە بولغان فېئودال خوجىغا ئايلانغان. ھوقۇق مەركەزلەشكەن دۆلەت بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بىر خىل ئۇنۋانىغا ئايلىنىپ قالغان. روسىيىدە 1917-يىلى ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

گىئېسېبرېخت

  • گىئېسېبرېخت[يەشمىسى:]Friedrich Wihelm Giesebrecht، 1814 — 1889) گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس.رانكې (Ranke)نى ئۇستاز تۇتۇپ، تارىخ تەتقىق قىلىپ، رانكې ئېقىمىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇپ قالغان. 1857-يىلى كيونىگسبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان. 1862-يىلى ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان. ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىنى مەخسۇس ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ئالتە توملۇق «گېرمان ئىمپېرىيىسى تارىخى» بولۇپ، بۇ ئەسەردە ئاساسان، Ⅹ ئەسىردىن Ⅻ ئەسىرگىچە بولغان مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان؛ ئوتتۇرا ئەسىردىكى گېرمانىيىنىڭ سىياسىي تۈزۈمى گۈزەللەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى زامان ئىلمىي ئۇسۇلى بىلەن يېزىلغان ئەسەر دەپ قارالماقتا. بۇنىڭدىن باشقا«ئوتتوⅡ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىكى گېرمانىيە يىلنامىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

گىگانت تاش مەدەنىيىتى

  • گىگانت تاش مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] يېڭى تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە مىس قورال دەۋرىدىكى بىر خىل مەدەنىيەت. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى گىگانت تاشلاردىن خاتىرە بۇيۇملىرى ۋە قەبرىلەرنى ياساش بولغاچقا شۇنداق نام بېرىلگەن. ئۇ، تاش لاپاسلار، ئۆرە تاشلار، قاتار تىكلىمە تاشلار، تاش چەمبىرەكلەر، گىگانت تاش قەبرە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن ئېھرام، چاسا ئۇچلۇق ئابىدە، گىگانت تاشلاردىن ياسالغان ئىبادەتخانا قاتارلىقلار ئادەتتە بۇ قاتارغا كىرمەيدۇ.ئاساسەن ياۋروپانىڭ ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىغا تارقالغان، باشقا ھەرقايسى جايلاردىمۇ ئۇچرايدۇ.

گىگلى

  • گىگلى[يەشمىسى:]Beniamino Gigli، 1890 — 1957) ئىتالىيىلىك يۇقىرى ئاۋازلىق ئەر ناخشىچى، ئوپېرا ئارتىسى. رېكاناتتا موزدۇز ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. يەتتە يېشىدىلا ئىبادەتخانىدا بالا ناخشىچى بولغان. كېيىن رىم مۇزىكا تېخنىكۇمىدا ئوقۇغان. 1914-يىلى پارما مۇزىكا كۆرىكىدە مۇكاپاتلانغان ھەمدە ۋېنېتسىيىدە تۇنجى قېتىم رەسمىي ئويۇن قويغان. 1917-يىلدىن باشلاپ، ئۇزاققىچە ئىسپانىيە، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە بولۇپمۇ ئامېرىكىدا كۆپ قېتم ئويۇن قويغان. مۇسسۇلىننى قوللىغان دەپ ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن 1954-يىلى كەچۈرۈم قىلىنغان. ئاۋازى يۇقىرى ۋە ھېسسىياتقا باي. «ئەسلىمە» دېگەن ئەسىرى بار.

گىلان جۇمھۇرىيىتى

  • گىلان جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:] ئىراننىڭ گىلان (Gilan) رايونىدا قۇرۇلغان جاھانگىرلىككە قارشى ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت. 1920-يىلى كۇچىك خان رەھبەرلىكىدىكى گىلان ئورمانلىق قوشۇنى رەشتنى ئىگىلىگەن. 6-ئاينىڭ 5-كۈنى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە كۇچىك خان باشچىلىقىدىكى ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت ۋە ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنى تەشكىللىگەن. ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنى قوغلاپ چىقىرىپ، خان جەمەتى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىراندا جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ، ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن كۈچلۈك جاھانگىرلار ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بارلىق تەڭسىز شەرتنامىلەرنى بىكار قىلىش قاتارلىق سىياسىي تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئىران كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1921-يىلى 5-ئايدا ئۆزىنى سوۋېت جۇمھۇرىيىتى دەپ جاكارلىغان. كېيىن ئىچكى قىسىمدا بۆلۈنۈش بولۇپ، ئىنقىلابىي كۈچ ئاجىزلاپ كەتكەن، شۇ يىلى 9-ئايدا كۇچىك خان ئەنگلىيىنىڭ بۆلگۈنچىلىك سېلىشى بىلەن، ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، كوممۇنىستلارنى قىرغىن قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەكسىيەتچىلەرنىڭ رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇشى ئارقىسىدا، جۇمھۇرىيەت ئاخىر يىمىرىلگەن.

گىلان قوزغىلىڭى

  • گىلان قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ⅩⅥ ۋە ⅩⅦ ئەسىردە ئىران-نىڭ گىلان (Gilan)رايونىدىكى خەلقنىڭ سافى خاندانلىقىنىڭ فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشى ۋە زۇلمىغا قارشى كۆتۈرگەن قوزغىلىڭى. 1570 — 1571-يىللىرى ۋە 1591 — 1592-يىللىرى ئىككى قېتىم پارتلاپ، باستۇرۇۋېتىلگەن. 1629-يىلى پىلىچىلىك مەركىزى بولغان لاھىجان (Lahijan) ۋە رەشت(Resht) تە يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. قول ھۈنەرۋەنلەر ۋە شەھەر كەمبەغەللىرى قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتناشقان. قوزغىلاڭچىلار پادىشاھ ئەمەلدارلىرىنى قوغلىۋەتكەن ياكى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، ئاقسۆ-ڭەكلەرنىڭ قورۇ-جايلىرىنى بۇزۇپ تاشلىغان ھەمدە پادىشاھ ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، شەھەرلەرنى ئىگىلىگەن. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان يەرلىك ئاقسۆڭەكلەر قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ھاكىمىيەت ئورنىتىپ، يەرلىك خاندانلىقنىڭ ئەۋلادلىرىنى يولباشچى قىلىپ تىكلەپ، «ئادىل شاھ» (Adil shah «ئادىل پادىشاھ»دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغاچقا، 1629-يىلدىكى قوزغىلاڭمۇ ئادىل شاھ قوزغىلىڭى دەپ ئاتالغان. شۇ يىلى 6-ئايدا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى پادىشاھنىڭ زور قوشۇنى تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان، تەخمىنەن 8000 قوزغىلاڭچى جەڭدە قۇربان بولغان، ئادىل شاھمۇ ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلۈپ، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.

گىلگامېش داستانى

  • گىلگامېش داستانى[يەشمىسى:] قەدىمكى زاماندىكى مېسوپوتامىيە ۋادىسىغا خاس ئەدەبىي ئەسەر. سۇمېرلار دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن، قەدىمكى بابىلون دەۋرى (مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمى)دە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بېكىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئاسسۇرىيىنىڭ قەدىمكى پايتەختى نىنېۋى (Nineveh)دىكى ئاسۇر بانىپال كۇتۇپخانىسىدىن تېپىلغان، 12 پارچە مىخ يېزىقلىق سېغىز بەت. داستاندا ئۇرۇك (Uruk)ھۆكۈمرانى، رىۋايەتتىكى قەھرىمان گىلگامېش (Gilgamesh) باش قەھرىمان قىلىنىپ، ئۇنىڭ تەڭرىلەر ياراتقان ئېنكىدۇ(Enkidu) بىلەن قانداق قىلىپ دوستلۇق ئورنىتىپ، قارىغايلىقتىكى يالماۋۇز خونبابانى بىللە يوقاتقانلىقى؛ ئۇنىڭ ئايال خۇدا ئىشتار (Ishtar)نىڭ مۇھەببىتىنى رەت قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان كالاجىن (ئايال خۇدا ئەۋەتكەن) نى ئۆلتۈرگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن. ئېنكىدۇ كېسەل بىلەن قازا قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆلمەسلىكنىڭ سىرىنى يېشىش ئۈچۈن يىراققا سەپەر قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەجدادى ئۇتناپىشت (Utnapishtim)نى تاپقان، ئۇتناپىشتنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئۇ «گىياھى ھايات»نى ئوڭۇشلۇق قولغا چۈشۈرگەن. لېكىن ئۇرۇكقا قايتىپ كېلىش سەپىرىدە شىپالىق گىياھنى يىلان ئوغرىلاپ كەتكەن. داستان گىلگامېش بىلەن ئېنكىدۇنىڭ «روھى» ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق غۇۋا سۆھبەت بىلەن تاماملانغان. داستاندا مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى ھەر خىل رىۋايەتلەر يىغىنچاقلانغان، داستان دەسلىپىدە خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى بولۇپ، كېيىن ئۇنى شائىرلار پىششىقلاپ ئىشلىگەن ھەمدە راھىب ۋە دىندىن سىرت ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بەزى ئىدىيىلىرىنى قوشۇۋەتكەن؛ ئۇ، تەپسىلاتنىڭ ئەگرى-بۈگرىلىكى ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىگە بايلىقىدىن ئالغاندا، قەدىمكى زامان غەربىي ئاسىيادىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئۇتناپىشت گىلگامېشقا سۆزلەپ بەرگەن «توپان سۈيى» ھەققىدىكى بىر ئابزاس قىستۇرما سۆز «تەۋرات»تىكى نۇھ پەيغەمبەر كېمىسى توغرىسىدىكى ھېكايىنىڭ مەنبەسى دەپ قارالماقتا.

گىلگىن

  • گىلگىن[يەشمىسى:]«كەشمىرا» غا قاراڭ.

گىللېرۇپ

  • گىللېرۇپ[يەشمىسى:]Karl Gjellerup،1857 — 1919) دانىيىلىك يازغۇچى. دەسلەپتە كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا تېنولوگىيە ئۆگەنگەن، كېيىن شۋېتسارىيە ۋە گرېتسىيىگە بېرىپ ئوقۇغان. 1892-يىلىدىن باشلاپ ئۇزۇن ۋاقىت گېرمانىيىدىكى درېزدېندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئەسەرلىرىنى ئاساسەن نېمىس تىلىدا يازغان.دەسلەپتە ناتۇرالىزمغا مەنسۇپ بولۇپ، كېيىن غايىۋىلىككە ئۆتكەن. بۇددا دىنى ۋە ھىندى دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بىر مەزگىل خرىستىئان دىنى بىلەن ئادا-جۇدا بولغان. 1917-يىلى پونتوپپىدان بىلەن بىللە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، «ھەج قىلغۇچى كامانىدا»، «دۇنيانى كەزگۈچى»، «تۇرمۇش يولى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

گىلېمبۋې

  • گىلېمبۋې[يەشمىسى:]-John Chi lembwe، ؟ — 1915) نياسالېند (ھازىرقى مالاۋى) مىللىي ھەرىكىتىنىڭ پېشۋاسى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، بلانتېردىكى شوتلاندىيە مىسسىئونېرلار جەمئىيىتىگە كىرىپ ئوقۇغان.1892 — 1895-يىللىرى دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ئىرقىي تەڭلىكنى ھىمايە قىلغان. 1898 — 1900-يىللىرى ئامېرىكا نىگېرو ئىلاھىيەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1900-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ئېمپونىۋىدا ئافرىقىلىقلارنىڭ مۇستەقىل خرىستىئان چېركاۋىنى قۇرۇپ چىققان. ئافرىقىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ۋە خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىنى تەرغىب قىلىپ، ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندا ئەنگلىيىنىڭ ئەسكەر ئېلىشىغا ئاشكارا قارشى تۇرۇپ، 1915-يىلى مۇرىتلىرىدىن 1000 كىشىنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، مۇزامبىك چېگرىسىدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە قۇربان بولغان.

گىئوبېرتى

  • گىئوبېرتى[يەشمىسى:]Vincenzo Gioberti، 1801 — 1852) ئىتالىيىلىك كاتولىك ئىدېئالىست پەيلاسوپ، ساردېگنا پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى (1848—1849). 1825 — 1833-يىللاردا تورىنو داشۆسىدە ئىلاھىيەت ۋە پەلسەپە پروفېسسورى بولغان. مەخپىي جۇمھۇرىيەتچىلەر تەشكىلاتىغا قاتناشقان. 1833-يىلى قولغا ئېلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان ۋە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فرانسىيە، بېلگىيىلەردە تۇرغان. دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن جۇمھۇرىيەت تەشەببۇسىدىن ۋاز كەچكەن. 1843-يىلى «ئىتالىيانلارنىڭ ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى مۇھىم ئورنى توغرىسىدا» دېگەن كىتابىنى ئېلان قىلىپ، قەدىمكى رىم دەۋرىنىڭ تارىخىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئىتالىيانلارنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىقىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى ئىتالىيىنىڭ ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، بوش بىرلەشمىنى تەشكىل قىلىپ، پاپاغا تەۋە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ، بۇرژۇئازىيە لىبېراللىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مىللىي گۈللىنىش ھەرىكىتىدىكى بايرىقىغا ئايلانغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشەببۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشقان، ئەمما دېموكراتلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1849 — 1851-يىللاردا فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان.

گىئوتتو

  • گىئوتتو[يەشمىسى:]Giotto di Bondone، 1266 — 1337) ئىتالىيىدە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى رەسسام. فلورېنسىيە ئەتراپىدا تۇغۇلغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا رىمغا بېرىپ، رىم رەسسامچىلىرىنى ئۇستاز تۇتقان. 1307-يىلدىن كېيىن، ئۇزاققىچە فلورېنسىيىدە ئولتۇراق-لىشىپ قالغان. رەسىم ماتېرىيالىنى تاللاشتا دىنىي ھېكايىلەردىن چىقىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن رەسىمدىكى شەخستە دەھرىيلىك ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەنلىكتىن، غەربىي ياۋروپادىكى رېئالىزملىق رەسىم سەنئىتىنىڭ پېشىۋاسى دەپ قارالغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن پارويە شەھىرىدىكى ئارىنا چېركاۋى (يەنە بىر ئىسمى سكوروبېن چېركاۋى) ئۈچۈن سىزىپ بەرگەن ئىچكى زىننەت تام رەسىمى «ئاننا بىلەن يوئاسنىڭ پىنھان ئۇچرىشىشى»، «مىسىردىن قېچىپ چىقىش»، «يودانىڭ سۆيۈشى» قاتارلىقلار بار. 1334-يىلى فلورېنسىيە چېركاۋىنىڭ ئارخىتېكتورى بولۇپ، مەشھۇر سائەت مۇنارلىق بىنانى لايىھىلەپ چىققان.

گىئورگىئونې

  • گىئورگىئونې[يەشمىسى:]Giorgione، تەخمىنەن 1477 — 1510) ئىتالىيىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى رەسسام. لىرىك شائىر. ۋېنېتسىيە رەسساملار گۇرۇھىغا مەنسۇپ. كاستېلفرانكۇ (Gastel franco، ۋېنېتسىيىلىك غەربىي شىمالىي) دا تۇغۇلغان. ۋېنىتسىيىلىك رەسسام بېللىنى (Giovanni Bellini، تەخمىنەن 1430 — 1516) نى ئۇستاز تۇتقان ھەمدە زامانداش رەسسام تىزىئانو بىلەن دوستانە ئالاقىدە بولغان. شەخس بىلەن تەبىئەت مەنزىرىسىنى يۇغۇرۇپ بىر گەۋدە قىلىشقا ماھىر بولغانلىقتىن، ئەسەرلىرى يېڭىچە قۇرۇلمىغا، رەڭ قاتلىمى مول بولۇشتەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ياتقان ھالەتتىكى ۋېنىرا»، «بوران-چاپقۇن» قاتارلىقلار بار.

گىم

  • گىم[يەشمىسى:] قەدىمكى يۇنان، رىم ۋە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىدىكى چوڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كوچا تەشكىلاتى. ئۆز كوچىسى ۋە شەھەرنى قوغداش، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھەمدە ئۆز كوچىسىنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرغان. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى كونستانتىنوپولدا بەيگە قاتارلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كوچىنى بىرلىك قىلىپ ئۇيۇشقان تەشكىلاتلارمۇ گىم دەپ ئاتالغان. ھەربىر گىم سېرك مەيدانىدا بىر گۇرۇپپا ئورۇنغا ئىگە بولغان. بۇنىڭدىن باشقا پادىشاھ ۋە ۋەزىرلەر ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇن تەييارلانغان. پادىشاھ سېرك كۆرۈشكە كەلگەندە، گىم ئۇنىڭغا يۈز تۇرانە تۇرۇپ ھۆكۈمەتنىڭ بەزى تەدبىرلىرىنى ياكى ئۇنىڭغا قارشى تۇرى-دىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە، ئۆزىنىڭ تەلىپىنى ياكى ئەرزىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يول قويۇلغان. بىرمۇنچە گىم يەنە پارتىيە بولۇپ بىرلىشىپ، ھەرقايسى بەيگە ئەترىتىدىكى چەۋەندازلار كىيگەن كىيىمىنىڭ رەڭگىنى ئۆزىگە بەلگە قىلىپ، كۆك پارتىيە، يېشىل پارتىيە، قىزىل پارتىيە، ئاق پارتىيە قاتارلىق («كۆك پارتىيە»،« يېشىل پارتىيە» گە قاراڭ) لارغا بۆلۈنگەن. مىلادى Ⅴ ئەسىرگە كەلگەندە، گىم ئۆزىنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتىنى يوقاتقان.

گىمملېر

  • گىمملېر[يەشمىسى:]Heinrich Himmler، 1900 — 1945) فاشىستلار گېرمانىيىسى ئۇرۇش جىنايەتچىسى، گېستاپونىڭ كاتتىبېشى. ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1918-يىلى ھەربىيگە قاتناشقان. كېيىن فاشىستىك يېرىم ھەربىي خاراكتېرلىك تەشكىلات — «گېرمانىيە ئۇرۇش تۇغى» غا قاتناشقان. 1923-يىلى پىۋىخانا توپىلىڭىغا قاتناشقان. 1925-يىلى ناتسىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1929-يىلى ئېسئېسچىلارنىڭ كاتتىبېشىغا ئايلانغان. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن مەخپىي ساقچى ئىدارىسى (يەنى گېستاپو) نىڭ باشلىقى بولغان. شۇ يىلى 6-ئايدا گىتلېرنىڭ رومنىڭ شىترۇمچى ئەترىتىنى تازىلىشىغا ياردەملەشكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئېسئېسچىلارنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتكەن. 1936-يىلى گېرمانىيە ساقچى ئىدارىسىنىڭ باش تەپتىشى بولۇپ، فاشىستىك ساقچى، ئىشپىيونلۇق تەشكىلاتلىرىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فاشىستلارغا قارشى تۇرغان خەلقلەر بىلەن يەھۇدىيلارنى ۋەھشىيلەرچە قىرغان. 1943-يىلى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئىمپېرىيە مەمۇرىي ئورگىنى تولۇق ھوقۇقلۇق مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولۇپ، ھوقۇقى بىر مەزگىل گىتلېردىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. فاشىستلار گېرمانىيىسى گۇمران بولۇش ھارپىسىدا، گىتلېرنىڭ ئورنىغا چىقىش كويىدا بولغان ھەمدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا سۈلھ قىلماقچى بولغان. گېرمانىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن يوشۇرۇن قاچقاندا، ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان.

گنىيىسېناۋ

  • گنىيىسېناۋ[يەشمىسى:]August Wilhelm Anton Graf Nraf Neidhardt Von Gneisenau، 1760 — 1831) گېرمانىيە ھەربىي ئىشلار ئالىمى، پرۇسسىيە مارشالى. ۋەيران بولغان پومېشچىك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئېرفۇرت داشۆسىدە ئوقۇغان. ئاۋسترىيە ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. كېيىن ئەنگلىيە ياللانما ئەسكىرى بولۇپ شىمالىي ئامېرىكىغا بېرىپ ئۇرۇش قىلغان. 1786-يىلىدىن باشلاپ پرۇسسىيە ئارمىيىسىگە كىرىپ ئىشلىگەن. 1807-يىلى كولبىرگ (Kolberg) قورۇلىنىڭ قوماندانى بولغاندا فرانسىيىنىڭ ئۈستۈن ئەسكىرى كۈچىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. شۇ يىلى شارنخورست قاتارلىقلار بىلەن «ھەربىي ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىش ھەيئىتى» تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، پرۇسسىيە ھەربىي ئىسلاھات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1809-يىلى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن ناپولېئونغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، بۇيرۇققا بىنائەن ئاۋسترىيە، روسىيە، شۋېتسىيە، ئەنگلىيىلەرگە بېرىپ مەخپىي دىپلوماتىك ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. 1813-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەمدە شارنخورستنىڭ ئورنىغا پرۇسسىيە مارشالى بىلوكېرنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1815-يىلى پرۇسسىيە ئارمىيىسى ئۇنىڭ ستراتېگىيىلىك ئىدىيىسىگە ئاساسەن، ۋاتېرلوئو جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1818-يىلى بېرلىننىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1825-يىلى مارشال بولغان. 1831-يىلى پولشا قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ۋاقتىدا، ئارمىيىدە ۋابا كېسىلى يۇقۇپ ئۆلگەن.

گيوتې

  • گيوتې[يەشمىسى:]Johann Wolfgang Goethe، 1749 — 1832) گېرمانىيىلىك شائىر، دراماتورگ مۇتەپەككۇر. گېرمانىيە كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مىللىي ئەدەبىياتىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى. باي شەھەر ئاھالىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئىلگىرى-كېيىن لېيپىسېگ داشۆسى ۋە ستراسبۇرگ داشۆسىدە قانۇن ۋە پەلسەپە ئوقۇغان. رۇسسو، لېشىن ۋە سىپنوزا ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش شەكىللەنگەن. ياش ۋاقتىدا، بوران-چاپقۇنلۇق زەربىدارلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق ئەربابى بولغان. سىياسىي جەھەتتە فېئودال تەپرىقىچىلىككە قارشى تۇرۇپ، گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئارزۇ قىلغان، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1773-يىلى «گېسفىن پىرشىكىن» دېگەن تارىخىي درامىنى ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە خەلقىنىڭ زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئەركىنلىك ۋە مەملىكەتنىڭ بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. 1774-يىلى خەت-چەك شەكلىدە يېزىلغان «ياش ۋېرتىرنىڭ قايغۇسى» دېگەن رومانى ۋە «پرومېتى» دېگەن داستانىنى ئېلان قىلغان. 1775-يىلى كۈزدە، شۋېتسارىيىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، گېرتسوگ ۋېيمارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن باش مەسلىھەتچى بولغان. كېيىن ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئىتالىيىدە زىيارەتتە بولۇپ، كلاسسىك سەنئەتكە ئىنتايىن ھەۋەس قىلغان. 1788-يىلى ئۆز ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن سەنئەت ۋە ئىلىم-پەن شۆيۈەنىنىڭ باش نازارەتچىسى، ۋېيمار ئوردا تىياتىرىنىڭ رەھبىرى بولۇپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تەبىئىي پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، «تاسسو» دېگەن دراما، «تۈلكە لېنا» دېگەن ئىپىك داستاننى ئېلان قىلغان، «تۈلكە لېنا» دا ھايۋاناتلارنىڭ بىر-بىرىگە ئورا كولىشىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ چىرىكلىكىنى پاش قىلغان.ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىنقىلابقا قارىتا قارشى ئېلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان، لېكىن ئىنقىلابنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇرۇش ۋە زوراۋانلىقتىن بارا-بارا يىرگىنىپ قالغان؛ «ئېگمىنىت» دېگەن سەھنە ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، نېدېرلاندىيىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىك كۈرىشىنى تېما قىلىپ يات مىللەتنىڭ زۇلۇمىدىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 1794-يىلدىن كېيىن، شىللېر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، كلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1809-يىلى تەرجىمىھال خاراكتېردىكى «شېئىر ۋە ھەقىقەت» نى يېزىپ چىققان. 1819-يىلى ئەرەب، پارس مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ئىدىيىسى ئايدىڭ، ھېسسىياتى سەمىمىي بولۇپ، تۇرمۇشقا قىزغىن مۇھەببەت باغلىغان «غەرب بىلەن شەرق ھەققىدىكى شېئىرلار» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ چىققان. 1831-يىلى 60 يىل ئەجىر سىڭدۈرۈپ «فائۇست» ناملىق ۋەكىللىك ئەسەرنى پۈتتۈرگەن. بۇ درامىدا ⅩⅥ ئەسىردىكى گېرمانىيىنىڭ خەلق رىۋايەتلىرىنى تېما قىلىپ، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىدىن بۇيانقى گېرمانىيە ۋە ياۋروپا جەمئىيىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، ئاساسىي قەھرىمان فائۇستنىڭ ھەقىقەتنى ئىزدەش ئۈچۈن ئۆمۈربويى تىرىشقان جاپالىق سەرگۈزەشتلىرى ئارقىلىق بۇرژۇئا ئىلغارلىرىنىڭ رېئاللىققا نارازى بولغان، ئالغا بېسىشقا ئىنتىلىپ، ھارماي-تالماي كۈرەش قىلغان روھىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. درامىدا بەدىئىي ئىجادىيەت جەھەتتە رېئالىزم بىلەن رومانتىزم ئۆزئارا بىرىكتۈرۈلگەن ئالاھىدىلىك ئىپادىلەنگەن. شېئىرلىرىنىڭ ئۇسلۇبى يېڭى، لىرىكىلىق بولۇپ، گېرمانىيە ئەدەبىياتىنىڭ گۆھىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ تەبىئىي پەن جەھەتتىمۇ تۆھپە قوشقان. ئىنسانىيەتنىڭ تاڭلاي سۆڭىكىنى تاپقان ھەمدە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شەكلى ۋە رەڭگى ھەققىدە ئىلمىي ماقالە يازغان.

گيولىتتى

  • گيولىتتى[يەشمىسى:]Giovanni Giolitti ، 1842 — 1928). ئىتالىيىنىڭ باش ۋەزىرى ( 1892 — 1893، 1903 — 1905، 1906 — 1909، 1911 — 1914، 1920 — 1921-يىللار)، بۇرژۇئازىيە لىبېراللىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. بيۇروكرات ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. قانۇن ئوقۇپ ئادۋوكات بولغان. 1882-يىلى مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن ھەمدە پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. كېيىن مالىيە ۋەزىرى، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان ھەمدە باش ۋەزىرلىكنى بەش قېتىم ئۆتىگەن. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش ئۈچۈن بەزى ئەركىنلەشتۈرۈش ئىسلاھاتلىرىنى ئېلىپ بارغان ھەمدە ئىشچىلارغا بەزى جەھەتتىن يول قويغان، مەسىلەن: دۆلەت ستراخۋانىيىسىنى يولغا قويۇش، ئىشچىلار تەشكىلاتلىرىنى قانۇنىيلاشتۇرۇشنى ۋە ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش، سايلام ھوقۇقىنى كېڭەيتىش ۋەھاكازالار. ئىسلاھاتچى گۇرۇھلارنى ئۆزىگە تارتىپ، ئىشچىلار ھەرىكىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا تىرىشقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەنۇبىي ئىتالىيە دېھقانلار ھەرىكىتىنى شەپقەتسىزلىك بىلەن باستۇرغان. كرېدىت كاپىتالى ۋە پومېشچىكلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، چېگرا بېجىنى مۇھاپىزەت قىلىش، ھەربىي خىراجەتنى كۆپەيتىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان، تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ (1911 — 1912)، لىپولى، سىرېنايكا دوردىكانىس تاقىم ئاراللىرىنى بېسىۋالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە «بىتەرەپ» گۇرۇھقا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىتالىيىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىشچىلار ھەرىكىتىگە كۈچىنىڭ بارىچە بۇزغۇنچىلىق قىلغان، فاشىستلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، مۇسسۇلىننىڭ رىمغا يۈرۈش قىلىشىنى قوللىغان. 1924-يىلدىن كېيىن قارشى مەيدانغا ئۆتكەن.

گيۇگو

  • گيۇگو[يەشمىسى:]Marie Hugo-Victor، 1802 — 1885) فرانسىيىلىك ئىجابىي رومانتىزملىق يازغۇچى. بېزانسون شەھىرىدىكى ئوفىتسېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1819-يىلى پاسسىپ رومانتىزمچى شائىر ۋىگنى (Alfred de Vigny، 1797 — 1863) بىلەن بىرلىكتە «ئەدەبىيات مۇتەئەسسىپلىرى» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، كلاسسكىزم تەرەپتە تۇرغان. 1822-، 1824-ۋە 1825-يىللىرى «مەدھىيە ناخشىلىرى» دېگەن ئۈچ توملۇق ئەسىرىنى ئېلان قىلغان. ئىلغار ئىدىيىلەرنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، 1826-يىلى مۇسسېت (Alfred de Musset،1810 — 1857)، ئالېكساندر دۇماس (Alexandre Dumas، 1802 — 1870) قاتارلىقلار بىلەن «ئىككىنچى ئەدەبىيات ئۇيۇشمىسى» نى تەشكىل قىلىپ، پادىشاھپەرەسلىكتىن بۇرژۇئا ھۈرىيەتپەرۋەرلىككە ئۆتۈشكە باشلىغان. ئىككىنچى يىلى «كلونۋىر» ۋە «كىلونۋېر مۇقەددىمىسى» ناملىق سەھنە ئەسىرىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئۇنىڭ ئىجابىي رومانتىزملىق خىتابنامىسى بولۇپ قالغان. ئىيۇل خاندانلىقى دەۋرىدە، مۇستەبىتلىك ۋە چېركاۋغا قارشى تارىخىي رومانى «پارىژ بۈۋى مەرىيەم چېركاۋسى» نى يازغان، لېكىن پادىشاھلىق-ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. 1841-يىلى فرانسىيە ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىقىغا سايلانغان. 1845-يىلى «فرانسىيە تۆرىسى» دېگەن نامغا ئېرىشىپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى بىلەن پادىشاھلىق-ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم ئوتتۇرىسىدا تەۋرىنىپ تۇرغان. 1848-يىلدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر مەيدانىغا ئۆتۈپ، سول قانات دېموكراتلارنىڭ داھىيسى بولۇپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، پرولېتارىياتنىڭ ئىيۇن قوزغىلىڭىغا ھېسداشلىق قىلغان. ناپولېئون Ⅲ نىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرغانلىقتىن ئۇ چەت ئەلدە 19 يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. قېچىپ يۈرگەن مەزگىلدە، سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلەيدىغان «كىچىك ناپولېئون»، «جىنايەت تارىخى» دېگەن كىتابچىسى ۋە ھەجۋىي شېئىرلىرى «جازا» قاتارلىقلارنى يازغان. 1870-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ پرۇسسىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى كۈرەشكە پائال قاتناشقان. 1871-يىلى مىللىي پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. پارىژ كوممۇنىسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كوممۇنا ئەزالىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىغان. گيۇگۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا دۆلەت دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن « پاجىئەلىك دۇنيا»، «93 يىل »، «ھىجايغاق»، «دېڭىزدىكى مېھنەتكەشلەر» قاتارلىقلار بار.

گيېئوڭجۇ

  • گيېئوڭجۇ[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ سىللا دەۋرىدىكى پايتەختى. گيېئوڭساڭ — بۇگدونىڭ تەۋەلىكىدە. قەدىمكى زاماندا رىۋايەت قىلىنىشىچە بۇ يەردىكى تاغ جىلغىلىرى ئارىسىدا ئالتە كەنت بولۇپ، بۇلاردىن گاۋشۇ دېگەن كەنتنىڭ باشلىقى سوفا گوڭ تېرەكلىك تاغ ئېتىكىدىن بىر چوڭ تۇخۇم تېپىۋاپتۇ، بۇ تۇخۇمدىن پۇخې جۇشى تۇغۇلۇپتۇ، كېيىن پادىشاھ بولۇپ، سىللا دۆلىتىنى قۇرۇپ، گيېئوڭجۇنى پايتەخت قىلىپتۇ. مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا سىللا بىلەن تاڭ سۇلالىسى بىرلىشىپ، پېكچى بىلەن كوگۇريونى يوقىتىپ، داتۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، بىر مەزگىل گۈللەنگەن. 935-يىلى پادىشاھ جىڭشۇنۋاڭ دەۋرىدە كورىيە تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا سىللانىڭ پايتەختى بولغان. كېيىن يەرلىك مەمۇرىي ۋە ئىقتىسادىي مەركەزگە ئايلىنىپ قالغان. سىللا دەۋرىگە ئائىت بولغان كۆپلىگەن قۇرۇلۇش خارابىلىرى ۋە قەبرىلەر ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. قۇرۇلۇش خارابىلىرىدىن، ئاي شەھىرى، تاغ شەھىرى، دېڭىز بويى ئوردىسى. سەدەپ تاشلىق شىپاڭ قاتارلىقلار بار. ئاي شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاشتىن ياسالغان ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىش پەشتىقى دۇنيادا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ بۇرۇنقى رەسەتخانا ھېسابلىنىدۇ. يەنە كۆپلىگەن بۇددا دىنىي ئىبادەتخانىلىرى يادىكارلىقلىرى، ئالايلۇق شىڭلۇڭ ئىبادەتخانىسى، خۇاڭلۇڭ ئىبادەتخانىسى، فېنخۇاڭ ئىبادەتخانىسى ۋە فوگۇ ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار، بۇلاردىن فېنخۇاڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خىش مۇنارى، فوگو ئىبادەتخانىسىنىڭ ساكيا قاش مۇنارى ۋە باشقا مۇنارلىرى ھەمدە تاش غار ئىبادەتخانىسىدىكى تاتخاگاتا ھەيكىلى. بۇدساتۋا ھەيكىلى ۋە مۇرىتلىرىنىڭ ھەيكىلى قاتارلىقلاردىكى ئوبراز ۋە قاپارتما نەقىشلەر سىللا دەۋرىدىكى مەشھۇر بۇددا دىنىي يادىكارلىقى ھېسابلىنىدۇ. گيېئوڭجۇنىڭ يېنىدا تېخى سىللاخان جەمەتى ۋە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەبرىلىرىدىن پادىشاھ ۋۇلېنىڭ قەبرىسى، پادىشاھ شېڭدې قەبرىسى، گۋا قەبرىسى، پادىشاھ شىڭدې قەبرىسى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلار ياخشى ساقلانغان، قەبرە ئالدىدىكى ھەرخىل تاش ئويمىلار سىللا ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. ئالتۇن قۇببىلىق قەبرە، خاسىيەتلىك سۇمۇرغلۇق قەبرە، ئالتۇن قوڭغۇراقلىق قەبرە، تەڭرى تۇلپارلىرى قەبرىسى قاتارلىقلارنى قېزىش ئارقىلىق كۆپلىگەن ئالتۇن ئەسۋاب، مىس ئەسۋاب، سىرلانغان ئەسۋاب، قورال، ساۋۇت-دۇبۇلغا، ئېگەر-جابدۇق، يىپەك بۇيۇملار ۋە ئەينەك، قاچا-قۇچا قاتارلىق بىللە كۆمۈلگەن بۇيۇملار تېپىپ چىقىلغان. بۇلاردىن باشقا، گيېئوڭجۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە تارىختىن بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت خارابە ۋە پىڭلى، جيوجېڭلى قاتارلىق برونزا قورال دەۋرىگە ئائىت خارابىلەر بولۇپ، بۇلاردىن دەسلەپكى مىس قورال دەۋرى مەدەنىيىتىگە ئائىت برونزا خەنجەر، برونزا نەيزە، برونزا يالمان قاتارلىق يادىكارلىقلار قېزىپ چىقىلغان.