ئۆ🔗

ئۆ

ئۆز ئالدىغا ئەھدىنامە تۈزگۈچىلەر ھەرىكىتى

ئۆز ئىچىدە توي قىلىش تۈزۈمى

ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان مۇستەملىكە

ئۆسمۈرلەر ئافغانىستانى

ئۆسمۈرلەر كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالى

ئۆشرە

ئۆكتەبر بۇيرۇقى

ئۆكتەبر پەرمانى

ئۆكتەبرىستلەر پارتىيىسى

ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى

ئۆكتەبر ۋەقەسى

ئۆڭكۈر رەسىملىرى

ئۆڭكۈر قەبرە مەدەنىيىتى

ئۆلۈك دېڭىز ۋەسىقىلىرى

ئۆمەر ھەييام

ئىزاھى

ئۆز ئالدىغا ئەھدىنامە تۈزگۈچىلەر ھەرىكىتى

  • ئۆز ئالدىغا ئەھدىنامە تۈزگۈچىلەر ھەرىكىتى[يەشمىسى:] شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەردىكى ئۇششاق دېھقانلارنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى يولغا قويغان بىرقاتار فېئوداللىق تۈزۈملەرگە قارشى ئۆز ئالدىغا ئەھدىنامە تۈزۈش ھەرىكىتى. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نيۇ-يورك ۋە شىمالىي كارولىنا قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن. 1765 — 1766-يىللىرى نيۇ-يورك رايونىدا ۋىليام پرېندېرگاست (William Prendergst) باشچىلىقىدا ئورتاقچى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغان. 1768 — 1771-يىللىرى شىمالىي كارولىنادىمۇ قوزغىلاڭ بولغان. قوزغىلاڭچىلار ئۆز ئالدىغا ئەھدىنامە تۈزۈپ، فېئوداللىق چوڭ ئوغۇل ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى ۋە يەر ھوقۇقىنى يۆتكەپ بېرىشكە بولماسلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان، شتات ھۆكۈمىتى ئورگىنىدا ئەمەلدارلار نىسبىتى ۋەكىللىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان؛ ئەنگلىيىگە يەر ئىجارىسى تاپشۇرۇشنى قەتئىي رەت قىلغان، ۋەھاكازالار. لېكىن قوزغىلاڭ رايونلىرى تارقاق، رەھبەرلىك بىرلىككە كەلتۈرۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر-بىرىگە ياردەم قىلىش كەم بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئاخىرى باستۇرۇلغان.

ئۆز ئىچىدە توي قىلىش تۈزۈمى

  • ئۆز ئىچىدە توي قىلىش تۈزۈمى[يەشمىسى:] «ئۇرۇق ئىچىدە توي قىلىش»قا قارالسۇن.

ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان مۇستەملىكە

  • ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان مۇستەملىكە[يەشمىسى:] شىمالىي ئامېرىكىدىكى كوننېكتىكۇت ۋە رودى ئارىلىدىن ئىبارەت ئىككى رايوننى كۆرسىتىدۇ. ⅩⅦ ئەسىردە ماسساچۇسېتقا كۆچۈپ كەلگەن باي پرىتانلار مۇستەبىت دىنىي ئولىگارخىيە ئورنىتىپ، باشقا دىنىي مەزھەپتىكىلەرگە دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قىلغان، ئاز سانلىقلار دىن تارقاتقۇچىلىرى كۆچمەنلەرنى باشلاپ باشقا جايغا كۆچۈپ كەتكەن. روگېرۋىلليام (Roger Williams، تەخمىنەن 1603 — 1683) ۋە ئاننې خۇچېنسون (Anne Hutchinson، 1591 — 1643) خانىم ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى جامائەتنى باشلاپ، رودى ئارىلىغا كۆچۈپ بارغان. توماس خوكېر (Thumas Hooker، تەخمىنەن 1586 — 1647) كوننېكتىكۇتقا كۆچۈپ بارغان. ئۇلار بۇ ئىككى رايوندىكى مۈلۈكدارلار تۈزگەن «ئۆزىنى-ئۆزى ئىدارە قىلىش ئەھدىنامىسى» نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشتىراك قىلىپ، رايون بويىچە ئۆزى ئىدارە قىلىشنى يولغا قويغاچقا، ئۆزىنى-ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان مۇستەملىكە دەپ ئاتالغان. كېيىن ئەنگلىيىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

ئۆسمۈرلەر ئافغانىستانى

  • ئۆسمۈرلەر ئافغانىستانى[يەشمىسى:] يەنى «ياش ئافغانلار» غا قارالسۇن.

ئۆسمۈرلەر كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالى

  • ئۆسمۈرلەر كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالى[يەشمىسى:] يەنى «ياشلار كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالى».

ئۆشرە

  • ئۆشرە[يەشمىسى:]غەربىي ياۋروپادىكى خرىستىئان جەمئىيەتلىرىنىڭ ئاھالىلەردىن يىغىۋالىدىغان بىر خىل ساخاۋەت بېجى. باج مىقدارى ئادەتتە باج تاپشۇرغۇچىنىڭ دارامىتى ياكى باشقا كىرىمىنىڭ ئوندىن بىر قىسمىغا توغرا كەلگەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇنىڭدا «ئىنجىل» دىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوندىن بىرى ئاللاغا مەنسۇپتۇر دېگەن خاتىرە ئاساس قىلىنغان. قەدىمكى ساملار بولۇپمۇ يەھۇدىيلاردا بۇ خىل باج تۈرى بۇرۇنلا بولغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا چارلېس ئىمپېرىيىسى ھەر بىر فرانكو پادىشاھلىقىنىڭ پۇقراسى ئوندىن بىر باجنى تاپشۇرۇشى لازىملىقىنى رەسمىي بەلگىلىگەن. ئەنگلىيە ۋە باشقا غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ شۇ بويىچە ئىش قىلغان. بۇ خىل باج چوڭ ئۆشرە (دانلىق زىرائەتلەردە)، كىچىك ئۆشرە (كۆكتات، مېۋە-چىۋە، قۇشلار)، ئۆشرە قان بېجى (چارۋا مال ۋە چارۋا مەھسۇلاتلىرى) دىن ئىبارەت بىر نەچچە خىلغا ئايرىلغان. جەمئىيەتتىكى يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ھەمىشە دېگۈدەك باجدىن كەچۈرۈم قىلىنغاچقا، ئۆشرە بېجى ئاساسلىقى دېھقانلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن. ئۆشرە ئاساسەن چېركاۋلارنى رېمونت قىلىش ۋە پوپلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداشقا ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە كۆپىنچىسى يۇقىرى دەرىجىلىك مىسسىئونېرلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتكەن. چېختىكى خۇس ھەرىكىتى ۋە گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۆشرە بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق تەلەپلىرىدىن بىرى بولغان. غەربىي ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ⅩⅧ ۋە ⅩⅨ ئەسىرگە كەلگەندىلا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئەنگلىيە تاكى 1935-يىلىغىچە بۇ خىل باجنى ساقلاپ قالغان.

ئۆكتەبر بۇيرۇقى

  • ئۆكتەبر بۇيرۇقى[يەشمىسى:]1860-يىلى ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى قوشما شتات تۈزۈمىدىكى ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش توغرىسىدا ئېلان قىلغان بۇيرۇق. 1859-يىلى ئاۋسترىيىنىڭ ئىتالىيە ۋە فرانسىيىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقتىن، ئىمپېرىيىنىڭ سىياسىي كرىزىسى كۈچەيگەن. مىللىي زىددىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن، 1860-يىل 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى گىروخوپىسكى (پولشالىق ئاقسۆڭەك) قوشما شتاتلىق تۈزۈمى ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چشۈرگەن. بۇيرۇقتا پادىشاھ ھەر قايسى ئۆلكىلىك پارلامېنت ۋە ھەر قايسى ئۆلكىلىك پارلامېنت ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان ئىمپېرىيە پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ھەمدە ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى يەر ئىگىسى ئاقسۆڭەكلىرىنى قانۇن چىقىرىشقا قاتناشتۇرۇش، ۋېنگرىيىنىڭ ئوبلاستلىق پارلامېنتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا ۋېنگرىيە تىلىنى قوللىنىشىغا رۇخسەت قىلىش بەلگىلەنگەن. بۇيرۇقتا چوڭ بۇرژۇئازلار ۋە باشقا تەبىقىدىكىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ھاكىمىيەتكە قاتناشسا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىكتىن، ئاۋسترىيە بۇرژۇئازلىرى ۋە ۋېنگرىيىدىكى ئوتتۇرا ۋە ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، بۇنىڭ بىلەن خەلق ئارىسىدا ئېتىراز بىلدۈرۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، نەتىجىدە گىروخوپىسكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

ئۆكتەبر پەرمانى

  • ئۆكتەبر پەرمانى[يەشمىسى:]تولۇق ئاتىلىشى: «يەر ئىگىلەش شەرت چەكلىمىسىنى كېڭەيتىش ۋە يەر مۈلكىدىن ئىختىيارىي پايدىلىنىش ھەمدە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى پەرمان». پرۇسسىيىنىڭ باش ۋەزىرى ستېين (Stein)ئېلان قىلغان يانچىلارنى بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتىن ئازاد قىلىش توغرىسىدىكى پەرمان. 1807-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلان قىلىنغانلىقتىن «ئۆكتەبر پەرمانى» دەپ ئاتالغان. بۇ پەرماندا، دېھقانلارنىڭ بارلىق تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش ۋە دېھقانلارغا جىسمانىي ئەركىنلىك ۋە ماكان تۇتۇش ئەركىنلىكى بېرىش كېرەك، بىراق دېھقانلار بۇنىڭ ئۈچۈن يۇنكىر پومېشچىكلارنىڭ بارلىق مەجبۇرىيىتى ۋە ئالۋان-ياساقلىرىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. پەرماندا ئىسلاھاتنىڭ ئۈزۈل-كېسىل بولمىغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

ئۆكتەبرىستلەر پارتىيىسى

  • ئۆكتەبرىستلەر پارتىيىسى[يەشمىسى:]17-ئۆكتەبر ئىتتىپاقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. روسىيىدىكى چوڭ بۇرژۇئازىيە، چوڭ پومېشچىكلارنىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي پارتىيىسى. 1905-يىلى 11-ئايدا يەرلىك ئاپتونومىيە ھەرىكىتىدىكى ئوڭ قانات ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ پارتىيىگە «ئىقتىسادىي تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى» مۇ قاتناشقان. نىكولاي Ⅱ ئېلان قىلغان «17-ئۆكتەبر خىتابنامىسى» نى ئېتىراپ قىلغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان. بۇ پارتىيە ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىقنى تەشەببۇس قىلاتتى. بۇنىڭدىن مەقسەت ئاساسىي قانۇننى مۇستەبىتلىك تۈزۈمنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. 1905-يىلىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن، پۈتۈن كۈچ بىلەن سىتولىپىننىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسىتىنى قوللىغان، فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قاتنىشىپ جاھانگىرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا داۋاملىق مەدەت بەرگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي كۈچلەرنى توپلاپ سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى

  • ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى[يەشمىسى:] روسىيە ئىشچىلار سىنىپى لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، نامرات دېھقانلار بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب. ئۇ روسىيە كالېندارى بويىچە 1917-يىلى 10-ئايدا يۈز بەرگەنلىكتىن ئۆكتەبر ئىنقىلابى دەپ ئاتالغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چارروسىيە جاھانگىرلىكنىڭ ھەممە زىددىيىتىنىڭ مەركەزلەشكەن نۇقتىسى، خەلقئارا پرولېتارىيات ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالغانىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، روسىيىدە ئىجتىمائىي زىددىيەت كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلىشىپ، ئىنقىلابىي ۋەزىيەت تېز پىشىپ يېتىلگەنىدى، لېنىن سوتسىيالىزم ئاز ساندىكى، ھەتتا بىرلا كاپىتالىستىك دۆلەتتە ئالدىن غەلىبە قازىنىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشچىلار سىنىپىنى قوراللاندۇرغانىدى. 1917-يىلدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدا، چار پادىشاھ تۈزۈمىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى، بۇرژۇئازىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن ئىشچى-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئاياغلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. شۇ يىلى 4-ئايدا لېنىن ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ بېرىپ، مەشھۇر «ئاپرېل تېزىسلىرى» نى ئېلان قىلىپ، دېموكراتىك ئىنقىلابتىن سوتسىيالىستىك ئىنقىلابقا ئۆتۈش پىلانىنى تۈزگەن، كەينىدىنلا بولشېۋىكلار ئاپرېل، ئىيۇن، ئىيۇل نامايىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ھاكىمىيەت پۈتۈنلەي ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ قولىغا ئۆتكەن، 7-، 8-ئايلاردا بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ 6-قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش فاڭجېنى بېكىتىلگەن. 9-، 10-ئايلاردا ئىنقىلابنىڭ ۋەزىيىتى تامامەن پىشىپ يېتىلگەن. جايلاردىكى سوۋېتلەر ئارقا-ئارقىدىن بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلغان؛ ئەسكەرلەر ۋە ماتروسلار ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىنقىلاب تەرەپكە ئۆتكەن؛ ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشى، دېھقانلارنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشى ۋە چېگرا رايوندىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتى مىسلىسىز يۈكسەلگەن. بولشېۋىكلار پارتىيىسى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى زورلۇق كۈچ ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ، «پۈتۈن ھاكىمىيەت سوۋېتلەرگە مەنسۇپ» دېگەن شوئارنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرغان. 10-ئاينىڭ 12-كۈنى (مىلادى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى) قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ رەھبىرىي ئورگىنى — ھەربىي ئىنقىلابىي كومىتېتى قۇرۇلغان ھەمدە ستالىن قاتارلىق بەش كىشىدىن تەركىب تاپقان پارتىيە باش شتابى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ رەھبەرلىك يادروسى سۈپىتىدە سايلانغان، يەنە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ قوزغىلاڭغا تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن مەخسۇس خادىم ئەۋەتىلگەن. 10-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە (مىلادى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى)، پايتەخت پېتروگراد ئاساسىي جەھەتتىن ھەربىي ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرغان. شۇ كۈنى كېچىدە، «ئاۋرورا» ناملىق كرەيسىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي — قىشلىق سارايغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى توپ ئوقىنى ئاتقان، پېتروگراد ئىشچىلىرى ۋە ئەسكەرلىرى شۇ ھامان قىشلىق سارايغا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئىككىنچى كۈنى سەھەردىلا قىشلىق ساراينى ئىشغال قىلغان، ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىنى قولغا ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 10-ئاينىڭ 25-كۈنى كېچىدە سىمولنى سارىيىدا پۈتۈن روسىيە ئىشچى-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتىنىڭ 2-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان، 26-كۈنى «ئىشچى، ئەسكەر، دېھقانلارغا مۇراجىئەتنامە» ماقۇللىنىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقى، پۈتۈن ھاكىمىيەتنىڭ سوۋېتقا مەنسۇپ بولغانلىقى جاكارلانغان؛ يەنە «تىنچلىق پەرمانى»، «يەر قانۇنى» ماقۇللانغان. ئىككىنچى كۈنى، لېنىن رەئىسلىكىدىكى بىرىنچى نۆۋەتلىك سوۋېت ھۆكۈمىتى — خەلق كومىتېتى تەشكىللەنگەن. 1917-يىلى 10-ئايدىن ئىككىنچى يىلى 2-ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭ كەينى-كەينىدىن غەلىبە قىلغان. ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى، دۇنيانىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىدىكى زېمىندا كىشىنى كىشى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان تۈزۈمنى يوقىتىپ، پرولېتارىيات دىكتاتۇرلۇقىدىكى تۇنجى دۆلەتنى قۇرۇپ چىقىپ، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە مۇستەملىكە، يېرىم مۇستەملىكىلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى.

ئۆكتەبر ۋەقەسى

  • ئۆكتەبر ۋەقەسى[يەشمىسى:] 1931-يىلى 10-ئايدا، ياپونىيە نورۇزگۈل جەمئىيىتى پىلانلىغان، بىراق ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش ۋەقەسى. مارت ۋەقەسى بېسىققاندىن كېيىن، خاشىموتو كىنگورا (1890 — 1957) قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى نورۇزگۈل جەمئىيىتىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى ۋە ئوكاۋا شۇمېي قاتارلىق ئوڭ قانات كاتتىباشلار كانتون ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى بېسىۋېلىشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ھەربىي ھاكىممۇتلەقلىك ھاكىمىيەت قۇرماقچى بولغان. پىلاندا 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ياش ئوفىتسېرلىرى ۋە ئوڭ قانات كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، باش ۋەزىر سارىيىغا ۋە ساقچىلار ۋازارىتىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، باش ۋەزىر ۋاكاتسۇكى رېيجىرو ۋە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى شىدېخارا كىبۇرانى ئۆلتۈرۈپ، ئاراكى ساداۋ باشچىلىقىدىكى ھەربىي فاشىستىك ھۆكۈمەت قۇرماقچى بولغان. 10-ئاينىڭ 17-كۈنى خاشىمۇتو قاتارلىق 12 ئاساسلىق پىلانلىغۇچى قولغا ئېلىنىپ، سىياسىي ئۆزگىرىش سۇيىقەستى بىتچىت بولغان. بىراق ھەربىي مىنىستىرلىك ۋە ئوڭ قانات كۈچلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا، ۋاكاتسۇكى ئىچكى كابىنېتى ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئىنۇكائى تىسۇيوشى يېڭى ئىچكى كابىنېتنى تەشكىللىگەندە ئاراكى ساداۋ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن.

ئۆڭكۈر رەسىملىرى

  • ئۆڭكۈر رەسىملىرى[يەشمىسى:]ئاۋسترالىيە يەرلىك ئاھالىسىنىڭ قەدىمكى زامان سەنئىتىنىڭ ئىزى، ئۆڭكۈر، قىيا تاشلارغا ئويۇلغانلىقى ياكى سىزىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى ئۆڭكۈر رەسىملىرى ئاۋسترالىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى نۇللاربور (Nullarbor Plain) تۈزلەڭلىكىدىكى كوئونالدا (Koonalda) ئۆڭكۈرىدىن تېپىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 20 مىڭ يىل ئۆتۈپ كەتكەن. ئاۋسترالىيە قۇرۇقلۇقىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان، تاسمانىيە ئارىلىدىنمۇ تېپىلغان بولۇپ، جەمئىي 1000 دىن ئارتۇق جايغا تارقالغان. ئويۇلغان ۋە سىزىلغان رەسىملەرنىڭ مەزمۇنى ئەپسانە، دىنىي توتېم ۋە ئەينى زاماندىكى بېلىق تۇتۇش ۋە ئوۋچىلىق، ئۇسسۇل، كۈرەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قىيا تاشقا ئويۇپ تەسۋىرلىگەن ئەڭ چوڭ كىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18 مېتر كېلىدۇ. يەنە بىر خىل «-Ⅹ نۇر رەسىم»(Ⅹ-ray Painting) بولۇپ، ئۇنىڭدا سىزىلغان ئادەم بىلەن ھايۋانلارنى ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشىنى سىزىپ بەرگىلى بولىدۇ.

ئۆڭكۈر قەبرە مەدەنىيىتى

  • ئۆڭكۈر قەبرە مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىدىكى برونزا دەۋر مەدەنىيىتى. تىك ئۆڭكۈر قەبرە مەدەنىيىتىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرى بىلەن راۋاجلانغان بىر خىل مەدەنىيەت. دېنپىر دەرياسى بىلەن ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى رايونلاردا كەڭ تارقالغان. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن يەر يۈزىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ قەبرە يولى كولانغان، ئارقىدىن قەبرە يولىنىڭ بىر تەرىپىدىن توغرىسىغا بىر ئۆڭكۈر كولىنىپ، قەبرە ھۇجرىسى قىلىنغان، مېيىت تىزلىرى پۈكۈلگەن ھالدا، ئادەتتە ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتقۇزۇلغان، مېيىتقا قىزىل رەڭ چېچىلغان. قەبرىگە يەنە دەپنە بۇيۇملىرىدىن گېئومېترىك نەقىشلەر، نەقىشلىك ساپال بۇيۇملار، تاشتىن ياسالغان قورال-سايمانلار، برونزىدىن ياسالغان تىغلىق سايمانلار (قەدىمكى تىپىك برونزا قوراللاردىن يوپۇرماق شەكىللىك خەنجەر ۋە قەلەمتىراش قاتارلىقلار)ھەمدە سۆڭەك ۋە برونزىدىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى قويۇلغان. بۇ جايدىكى خەلق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. بۇ دەۋر مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئۈچ مىڭىنچى يىلنىڭ ئاخىرىدىن ئىككى مىڭىنچى يىلنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ.

ئۆلۈك دېڭىز ۋەسىقىلىرى

  • ئۆلۈك دېڭىز ۋەسىقىلىرى[يەشمىسى:]«كۇمران ۋەسىقىلىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پېرگامنېت، پاپىرۇس ۋە مىس بەتكە يېزىلغان ھۈججەت بولۇپ، ئىئوردانىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ئۆلۈك دېڭىزنىڭ غەربىي شىمال قىرغىقىدىكى كۇمران (Qumran) رايونىدىكى ئۆڭكۈردىن تېپىلغان. 1947-يىلى بىرىنچى ئۆڭكۈردىن ۋەسىقىلەر تېپىلغاندىن بۇيان، جەمئىي 11 قىسىملىق خېلىلا مۇكەممەل بولغان قول يازما ۋە تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ۋەسىقە پارچىلىرى قېزىۋېلىنغان، بۇلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ھۈججەتلەر بولۇپ، ئالەن يېزىقى ۋە ھېبرې (Hebrews) يېزىقى، يۇنان يېزىقلىرىدا يېزىلغان. مەزمۇنىنى ئومۇمەن تۆۋەندىكىلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ: (1) ئېۋرىي يېزىقىدىكى ئىنجىل؛ (2) ئىنجىلغا كىرگۈزۈلمىگەن كلاسسىك ئەسەرلەر ۋە ساختا ئىنجىل؛ (3) ئىنجىلنىڭ شەرھى؛ (4) كۇمران دىنى تەشكىلاتلىرىنىڭ نىزامى؛ (5) مۇقەددەس ئىبادەتخانا ھۈججەتلىرى؛ (6) ئاللانىڭ مېھرى-شەپقىتىگە تەشەككۇر ئېيتىلغان داستانلار ۋە دۇئا تېكىستلىرى قاتارلىق دىنىي ئەقىدە ھۈججەتلىرى؛ (7) تارىخىي ماتېرىيال قاتارلىقلار. رىم قوشۇنى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن ئۆلۈك دېڭىزنىڭ غەربىي جەنۇب قىرغىقىدىكى قەلئە 1964-يىلى قېزىلغان، قېزىۋېلىنغان نەرسىلەرگە ئاساسەن، ئۆلۈك دېڭىز ھۈججەتلىرىنىڭ تۆۋەندىكى يىل چېكى مىلادى 73-يىل ئىكەنلىكى، رىم قوشۇنى باستۇرۇپ كىرگەندە يوشۇرۇپ قويۇلغان بولۇشىنىڭ ئېھتىمالغا يېقىنلىقى مۇقىملاشتۇرۇلغان. بۇلار كېيىنكى مەزگىلدىكى يەھۇدىي دىنى، تەقۋادارلار مەزھىپى، كۇمران دىنى تەشكىلاتلىرى ۋە خرىستىئان دىنىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە.

ئۆمەر ھەييام

  • ئۆمەر ھەييام[يەشمىسى:]Umar Khayyam، 1048 — 1122) پارسلاردىن چىققان شائىر، ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم. نىشاپوردىكى قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى يىللاردا ئوبدان تەربىيە كۆرگەن، بىلىمى كەڭ. سەمەرقەندتە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئالگېبرا ئىلمىي ماقالىسىنى يازغان. كېيىن سالجۇقىيلار ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى مەلىكشاھ (Malik Shah، 1072 — 1073-يىللىرى تەختتە) نىڭ تەكلىپى بويىچە، پېرسىيە يىلنامىسىنى تۈزۈشكە قاتناشقان.1079-يىلى باشقا ئالىملار بىلەن بىرلىشىپ جۇلىئۇس يىلنامىسىدىنمۇ ئىنچىكە بولغان جالال يىلنامىسىنى تۈزگەن. مەلىكشاھ ئۆلگەندىن كېيىن پاناھسىز قېلىپ، ئوردىدىن چىقىپ مەككىگە بېرىپ تاۋاب قىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى يۇرتىدا ئۆتكۈزگەن، بىرنەچچە يۈز رۇبائىي يازغان. ئۇ ئۆز شېئىرلىرىدا ئەركىنلىك ۋە راھەت-پاراغەتنى تەرغىپ قىلغان، تەركىدۇنياچىلىققا قارشى تۇرغان؛ ئۇنىڭ پىكرى چوڭقۇر، پەلسەپىۋى قائىدىگە ئىگە، لېكىن قويۇق مىستىتسىزم، ئۈمىدسىزلىك تۈسكىمۇ ئىگە.