چ🔗

چ

چائادايېۋ

چاپايېۋ

چاپلىتىن

چاپلىن

چاپۇلتېپېك ئەھدىنامىسى

چاتتېرجى

چاچۇلا

چاراكا

چاربازارچىلار ئۇرۇشى

چار پادىشاھ

چار پادىشاھ تۇشىنىسكىي

چار پادىشاھىغا ئالاھىدە قاراشلىق رايون تۈزۈمى

چاركىس توپالى

چارلېس

چارلېس

چارلېس

چارلېس

چارلېسⅤ(ئەقىللىق)

چارلېس

چارلېس

چارلېس

چارلېس مارتېل

چارۋاكا

چارۋىچىلىق ئىگىلىكى

چاسا سەپ

چاسا شەكىللىك ئۇچلۇق مۇنار

چاسلاۋ كلونىمىروۋىچ

چاغاتاي خانلىقى

چاقىرىۋالغۇچىلار

چاكا

چاكابۇكو جېڭى

چاڭئەن شەھىرى

چالجىيە

چامپاپۇرا

چامپاسساك

چامپوللىئون

چامپۇلاۋ تېغى

چان چان خارابىسى

چاندراگۇپتا

چاندراگۇپتا

چان فۇ

چاۋاننېس

چاۋپراياچاكرى

چاۋرى چاۋرا ۋەقەسى

چاۋشيەن مېتال ۋە تاش ئابىدىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى

چاۋشيەن-ئامېرىكا شەرتنامىسى

چاۋشيەن باش نازارەتچى مەھكىمىسى

چاۋشيەن باش ۋالىي مەھكىمىسى

چاۋشيەن بىلەن ياپونىيىنى قوشۇۋېتىش شەرتنامىسى

چاۋشيەن تارىخىي ھۈججەتلىرى مەجمۇئەسى

چاۋشيەننىڭ ۋەتەن ئازادلىق ئۇرۇشى

چاۋشيەننىڭ ئىچكى ئىشلارنى ئىسلاھ قىلىش مۇھىم پروگراممىسى

چاۋشيەن ئېلىپبەسى

چاۋشيەن-ياپونىيە شەرتنامىسى

چاۋشيەن-ياپونىيە كېلىشىمنامىسى

چاۋىن مەدەنىيىتى

چاۋيۇڭ جېنيىلاڭ (ئاسانا گاشىنچىرو)

چايكوۋىسكى

چايۇپى

چاي ئىچىش ئۇسۇلى

چەتكە قېقىش تەرەپدارلىرى

چەتكە نېفىت چىقىرىدىغان ئەرەب دۆلەتلىرى تەشكىلاتى

چەكلەش سىياسىتى

چېركاۋنى فىلىپپىنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى

چوپان ئېيى قوزغىلىڭى

چوشۇ (ناگاسۇ) ۋاسساللىقى

چوكانو

چوگازامبىل

چوڭ پايتەخت خاندانلىقى

چوڭ توقماق سىياسىتى

چوڭ-چوڭ سىياسەتلەر بويىچە مەسلىھەت بېرىش كېڭىشى

چوڭ خوجام

چوڭ سىياگۇن (دائىميو)

چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قامال قىلىش سىستېمىسى

چوڭ قۇرۇقلۇق سىياسىتى

چوڭ قۇرۇقلۇق كېڭىشى

چوڭ كۆل رايونىدىكى دۆلەتلەر ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى

چوڭ موراۋىيە كىنەزلىكى

چوڭ ئوغۇل ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى

چون بونجۇن

چۇئان پارتىيىسى

چۇ چۇەن بەيسۇن (كۇرىيا گاۋاشىراكاۋا)

چۇما كېسىلى

چۇلالوڭكرن

چۇن شياڭنىڭ تەرجىمىھالى

چۇئېزون

چۇئىرىنو

چۇيبالسان

چۈەنجۇڭ (كاۋانكاجىما) ئارىلى ئۇرۇشى

چۈەنكان دۆلىتى

چېپىش-يانجىش قورالى

چېتنىك

چېخ دۆلەت قانۇنى ⅩⅨ

چېخوسلوۋاكىيە جۈنتۇەنىنىڭ توپىلىڭى

چېخ كىنەزلىكى

چېخوۋ

چېرچىلل

چېرنشېۋىسكىي

چېرنىگوۋ پولكى قوزغىلىڭى

چېسنۇت

چېگرا رايون ئىلمىي ئېقىمى

چېگرا شتاتلار

چېمبېرلېن

چېن جىكو

چېن جيەندىڭ

چېن جيۇڭ

چېن خەن

چېن گاۋ قوزغىلىڭى

چېن گۇجۈن

چېننائۇلت

چىبچالار

چىبېرون قۇرۇقلۇققا چىقىشى

چىبىن (خاتانارى)

چىتتاگۇڭ قوزغىلىڭى

چىچېرىن

چىچېن ئىتسا

چىراغ يېقىش مۇراسىمى

چىش تارتقۇچىلار قوزغىلىڭى

چىشېڭ ناملىق پاراخوت قوزغىلىڭى

چىڭشاۋ نايەن (كىيوشو نورىگېنى)

چىڭفۇ كۇيۋۇ (كىيوئۇرا كېيگو)

چىڭ يەنگې

چىكا

چىكاگو ئىلمىي ئېقىمى

چىمۇ جىشېڭ (ئۇئېكى ئېساشى)

چىنا دىنى

چىن شۇدۇ

چىن لۇەن (چىكا ئوسامۇ)

چىنلىق نەزەرىيىسى

چياۋبېن زۇنېي (خاشى موتوساناي)

چىيۇ (خاگى) توپىلىڭى

ئىزاھى

چائادايېۋ

  • چائادايېۋ[يەشمىسى:]Пётр Яковлeвич Чаадаев، 1794 — 1856)روسىيە ئىدېئالىستىك پەيلاسوپى. موسكۋا داشۆسىدە ئوقۇغان. 1812-يىلدىكى روسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. دېكابرىستلارغا يېقىنلاشقان. 1823-يىلى چەت ئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلاشقان. 1826-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. 1836-يىلى سەككىز پارچە «پەلسەپە ئالاقىلىرى» ناملىق ماقالىسىنىڭ بىرىنچى پارچىسىنى ئېلان قىلىپ، يانچىلىق تۈزۈمنى قاتتىق سۆككەن. ئەمما روسىيىنىڭ قالاق ھالەتتىن قۇتۇلۇش يولى ئىنقىلاب قىلىشتا ئەمەس. بەلكى، دۆلەت ئەخلاقىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈشتە دەپ قارىغان ھەمدە يانچىلىق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش نۇقتىئىنەزەرى بىلەن دىنىي ئېتىقاد ئىدىيىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، ئادەم ماددىي دۇنيا بىلەن مەنىۋى دۇنيانىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت، مەنىۋى دۇنيا ماددىي دۇنيانىڭ ئاساسىي مەنبەسى دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ تەلىماتى ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى روسىيىدىكى ھەرقايسى مەزھەپلەرنىڭ مۇتەپەككۇرلىرىغا قاتتىق تەسىر قىلغان.

چاپايېۋ

  • چاپايېۋ[يەشمىسى:]Василий Ивановнч Чапаев 1887 — 1919) سوۋېت ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى قىزىل ئارمىيە كوماندىرى. قازان ئۆلكىسىدىكى نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى يىللىرى ياغاچچىلىق قىلغان. كېيىن ھەربىيگە كىرىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۆكتەبر ئىنقىلابى ھارپىسىدا بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە برىگادا، دىۋىزىيىلەرگە قوماندانلىق قىلىپ، ئورال كازاكلىرىنىڭ ئاق گۋاردىيە كورپۇسى بىلەن ئۇرۇشقان. 1919-يىلنىڭ بېشىدا، ئۇ قوماندانلىق قىلغان 25-پىيادىلەر دىۋىزىيىسى شەرق فرونتى جەنۇبىي لىنىيە ئەسكىرىي پولكىنىڭ زەربىدار قىسمى بولۇپ بۇزرۇك (Бузурук)، بۇگۇرۇسلان (Бугуруслан) ۋە ئۇفا (Уфа)قاتارلىق جايلاردا كولچاكنىڭ ئاق گۋاردىيىسىگە ئارقا-ئارقىدىن زەربە بەرگەن. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، لبىشېنسك (Лбишенск، ھازىرقى چاپايېۋ كەنتى)دە قونغان ۋاقتىدا، دۈشمەننىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، باتۇرلارچە قۇربان بولغان. سوۋېت يازغۇچىسى فۇرمانوۋ ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى «چاپايېۋ» ناملىق رومان قىلىپ يېزىپ چىققان.

چاپلىتىن

  • چاپلىتىن[يەشمىسى:]Сергей Aлексеевич Чаплытин، 1869 — 1942). سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھاۋا دىنامىكىسى ۋە سۇيۇقلۇق دىنامىكىسى ئالىمى. 1890-يىلى موسكۋا داشۆسىنى پۈتتۈرۈپ، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇ كۈچى مېخانىكىسى ۋە ئاۋىئاتسىيە دىنامىكىسى ئۈستىدە تەتقىق قىلغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن سۇيۇقلۇق دىنامىكىسى مەركىزىي تەتقىقات ئورنىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1929-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ئەڭ دەسلەپ ئاۋاز تېزلىكىگە يېقىنلىشىدىغان سۈرئەتتىكى گاز ھەرىكىتى تەتقىقات ئۇسۇلىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، گاز دىنامىكىسىغا ئاساس سالغان.

چاپلىن

  • چاپلىن[يەشمىسى:]Charles Spencer Chaplin، 1889 — 1977) ئەنگلىيە كىنو سەنئەتچىسى. لوندوندا تۇغۇلغان. دەسلەپتە كارنويە ئۈنسىز تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى بولغان، كېيىن تىياتىر ئۆمىكى بىلەن بىللە ئامېرىكىغا بېرىپ سەييارە ئويۇن كۆرسەتكەن. 1913-يىلى كىنو ئارتىسى بولغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئامېرىكىدا ئۇنىڭ كىنوچىلىق ھاياتى باشلانغان. كىنوغا ئالغان فىلىملىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆزى تۈزۈپ ئۆزى ئورۇنلىغان. فىلىملىرىدا كۆزگە ئىلىنمايدىغان، خورلانغۇچى ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ، بۇ ئاددىي كىشىلەرنىڭ كومېدىيىلىك سەرگۈزەشتلىرى ئارقىلىق كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى ھادىسىلەرنى پاش قىلغان ۋە مەسخىرە قىلغان. پۈتۈن ئۆمرىدە نۇرغۇن كومېدىيىلىك فىلىملەرنى كىنوغا ئالغان بولۇپ، مەشھۇرلىرىدىن «ئالتۇن چايقاش خاتىرىسى» (1925)، «شەھەر مەنزىرىسى» (1931)، «مودا دەۋر» (1936)، شۇنىڭدەك فاشىستلارغا قارشى مەسخىرە كومېدىيىلىك فىلىم «چوڭ مۇستەبىت» (1940) قاتارلىقلار بار. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يەنە «ۋېردىن ئەپەندى» (1947)، «سەھنە ھاياتى»(1952) ناملىق كىنولارنى ئىشلىگەن. ئامېرىكىدىكى تەرەققىيپەرۋەر ھەرىكەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ماككارتىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، 1952-يىلى ئامېرىكىدىن ئايرىلىپ، شۋېتسارىيىدە ئولتۇراقلاشقان. 1957-يىلى يەنە ئەنگلىيىگە بېرىپ «بىر پادىشاھ نيۇ-يوركتا» ناملىق فىلىمنى ئىشلىگەن. 1967-يىلى «شياڭگاڭلىق ئايال گراف» ناملىق ئاخىرقى بىر فىلىمنى ئىشلىگەن. كېيىن شۋېتسارىيىدە ۋاپات بولغان.

چاپۇلتېپېك ئەھدىنامىسى

  • چاپۇلتېپېك ئەھدىنامىسى[يەشمىسى:] يەنى «چاپۇلتېپېك كېلىشىمى»، 1945-يىل 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر مېكسىكا شەھىرى ئەتراپىدىكى چاپۇلتېپىك (Chapultepec) سارىيىدا ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىغىن چاقىرغان ھەمدە مەزكۇر ئەھدىنامىنى ماقۇللىغان. بۇنىڭدا: ھەرقانداق بىر ئامېرىكا قىتئەسى دۆلىتىگە قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق (بۇ تاجاۋۇزچىلىق مەيلى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەت ياكى ئامېرىكا قىتئەسىدىن بولمىغان دۆلەت تەرىپىدىن بولسۇن) ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بارلىق دۆلەتلەرگە قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەت بولىدۇ؛ ئەھدىنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر بىرلىشىپ قورال كۈچى ئارقىلىق تاجاۋۇزچىلىقنى توسۇشى ياكى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك، دېيىلگەن. مەزكۇر ئەھدىنامە ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى زومىگەرلىك ئورنىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرغان.

چاتتېرجى

  • چاتتېرجى[يەشمىسى:]1) بانكىم چاتتىرجى (Bankim Chandra Chatterji، 1838— 1894) ھىندىستان يازغۇچىسى. ئەڭ دەسلەپ بېنگال تىلىدا ئەسەر يازغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ، خەلقنىڭ جانلىق تىلى بىلەن ئەسەر يېزىش ماھىرى. ئەسەرلىرىنىڭ تىلى ئاددىي ھەم چۈشىنىشلىك بولۇپ بېنگال تىلىدا يېزىلىدىغان نەسىرچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان. 1872-يىلى «بېنگال ئوبزورى» ناملىق ژۇرنالنى نەشىر قىلىپ، ئەدەبىي ئەسەر ۋە سىياسىي ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان. ئەسەرلىرىدە كۆپرەك تارىخىي ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەپ، مۇستەملىكە تۈزۈمىنى كەسكىن سۆككەن. ئۇنىڭ «سەمىمىيلىك» (1874) دېگەن رومانىدا بېنگال خەلقىنىڭ ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھىندىستاننى ئىشغال قىلىشىغا قارشى كۈرىشى تەسۋىرلەنگەن.«شادلىققا چۆمگەن ئىبادەتخانا» دا (1882) ھىندىستاندىكى دەرۋىشلەرنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قۇل قىلىشىغا قارشى ئىش-ئىزلىرى بايان قىلىنغان. بۇ كىتابتىكى «سالام ۋەتەن» ناملىق شېئىرى 1905-يىلىدىكى ئەنگلىيىگە قارشى ھەرىكەتتە داڭلىق ناخشىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «گوموراگېندۇ»، «زەھەرلىك دەرەخ» ۋە «قەلئە قوماندانىنىڭ قىزى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) سارات چاتتىرجې (Sarat Chandra Chatterji، 1876 — 1938) ھىندىستان يازغۇچىسى. بالىلىق چاغلىرىدا نامراتچىلىقتا ئۆتۈپ، بېنگالنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. كېيىن بىرمىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇ بېنگال تىلىدا ئەسەر يازغان. چاتتىرجېنىڭ ئوتتۇز نەچچە پارچە رومان، پوۋېست ۋە ھېكايە توپلىمى بار. ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنىدا كۆپىنچە جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەر، جاھانگىرلىكنىڭ زۇلمىغا قارشى تۇرۇش، ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش، نامراتلارغا خەيرىخاھلىق قىلىش، كىشىلەرنىڭ بەختتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئىنسانلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىق ئەركىنلىكىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى «ئاچا»، «پۇلى بار خوجايىن»، «يېزا، قىشلاق جەمئىيىتى»، «كۆيدۈرۈلگەن ئۆي» ۋە «چىرايلىق جورا» قاتارلىقلار بار.

چاچۇلا

  • چاچۇلا[يەشمىسى:]Qaqula) مالايادىكى قەدىمىي دۆلەت. مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. مىلادى Ⅶ — Ⅺ ئەسىرلەردە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بويىچە دېڭىزدىكى سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان. جۇڭگودىكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، ئۇنىڭ سودا كېمىلىرى ھەر يىلى گۇاڭجۇغا قەرەللىك كېلىپ تۇرغان. سۇڭ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرلىرىدىكى ئەسەرلەردە ئۇچرايدۇ. 

چاراكا

  • چاراكا[يەشمىسى:]Charaka) قەدىمكى ھىندىستانلىق تىببىي ئالىم. ئېيتىلىشىچە كۇشان پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى كانىشكا (مىلادى Ⅱ ئەسىردە) نىڭ ئوردا تېۋىپى بولغان. ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلگەن سەككىز قىسىملىق «چاراكا ئەسەرلىرى توپلىمى» دا ھەرخىل كېسەللىكلەر ۋە تىببىي دورىلار، پاتالوگىيە، ئاناتومىيە، ئىمبىرىئولوگىيە قاتارلىق تىببىي مەسىلىلەر كەڭ بايان قىلىنغان. تەن-سالامەتلىكنىڭ ئۈچ چوڭ ئامىلى ئوزۇقلىنىش، ئۇخلاش ۋە نەپسىنى تارتىشتىن ئىبارەت، دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ كىتاب مىلادى Ⅷ ئەسىردە ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان، كېيىن يەنە ياۋروپاغا تونۇشتۇرۇلغان، خېلى تەسىرى بار.

چاربازارچىلار ئۇرۇشى

  • چاربازارچىلار ئۇرۇشى[يەشمىسى:]ⅩⅧ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېڭى گۈللەنگەن برازىلىيە ئېكىنزارلىق ئىگىلىرىنىڭ پورتۇگالىيە سودىگەرلىرىنىڭ سودىنى مونوپول قىلىۋېلىشىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشى. پورتۇگالىيە مۇستەملىكە قىلىۋالغان برازىلىيىدە خەلق پورتۇگالىيىنىڭ مونوپول سودىگەرلىرىنى كەمسىتىپ «چاربازارچىلار» (Mascates) دەپ ئاتىغانلىقتىن، مۇشۇ نام بېرىلگەن. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ⅩⅧ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، پورتۇگالىيە ئىچكى-تاشقى سودىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، يېڭى گۈللەنگەن برازىلىيە ئاقسۆڭەك ئېكىنزارلىق ئىگىلىرىنىڭ تەرەققىيات يولىنى توسۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتى كۈنسايىن ئۆتكۈرلەشكەن. 1709-يىلى برازىلىيە ئېكىنزارلىق ئىگىلىرى پورتۇگالىيە خان جەمەتىنىڭ پورتۇگالىيە سودىگەرلىرى توپلاشقان رېتسې شەھىرىنى مۇستەقىل شەھەر قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قارارىغا قارشى چىقىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ سودىگەرلىرىنى قوللىغان پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان، ئاخىرىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ پورتۇگالىيە باش ۋالىيسىنى باھىياغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان. بۇ قوزغىلاڭ 1711-يىلى مۇستەملىكىچى دائىرىلەر تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. 

چار پادىشاھ

  • چار پادىشاھ[يەشمىسى:]Царъ) (1) روسىيە پادىشاھىنىڭ نامى. «چار» لاتىنچە «كائېسار»(Caesar قەدىمكى رىم ئىستىبداتى كائېسارنىڭ نامى. كېيىن رىم ئىمپېراتورلىرىنىڭ ئۇنۋانىغا ئايلانغان) نىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشىدىن كەلگەن. 1547-يىل 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىۋان Ⅳ تاج كىيىپ تەختكە چىققاندىن كېيىن، موسكۋا كىنەزى دېگەن نامغا قانائەت ھاسىل قىلماي ئۆزىنى رەسمىي چار پادىشاھ دەپ ئاتىغان. بۇ نامنى قوللىنىشتىكى مەقسىتى، ئۆزىنىڭ چەكسىز پادىشاھلىق ھوقۇقىنى كۆز-كۆز قىلىش ھەم موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدىكى يۈكسەك ئورنىنى تەكىتلەشتىن ئىبارەت. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن موسكۋا كىنەزلىكى ئۆزىنى چار روسىيە دەپ ئاتاپ كەلگەن. 1721-يىلى پېترⅠ ئۆزىنى ئىمپېراتور دەپ ئۆزگەرتكەن، بىراق ئادەتتە يەنىلا چار پادىشاھ دېگەن نامنى قوللىنىپ كەلگەن. چار پادىشاھلىق تۈزۈمى ئىچكى جەھەتتە خەلقنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇپ كەلگەن، سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق-كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تاكى 1917-يىلدىكى فېۋرال بۇرژۇئا ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇپ تاشلانغانغا قەدەر داۋام قىلغان. (2) بۇلغارىيە پادىشاھىمۇ ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ چار پادىشاھ دېگەن نامنى قوللانغان. 1946-يىلى خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا بۇ نام بىكار قىلىنغان. 

چار پادىشاھ تۇشىنىسكىي

  • چار پادىشاھ تۇشىنىسكىي[يەشمىسى:] (Тушинский Чарь، ؟ — 1610) يەنى لىژېد مىترىيⅡ(Лжед МитрийⅡ، 1608— 1610-يىلى تەختتە تۇرغان). روسىيە چار پادىشاھى دېگەن نامنى سۇيىئىستېمال قىلغۇچى. 1606-يىلى لىژېد مىترىي Ⅰ ئۆلتۈرۈلگەن، 1608-يىلى پولشا يەنە ئۆزىنىڭ قورچىقى لىژېد مىترىي Ⅱ نىڭ روسىيىگە تاجاۋۇز قىلىشىغا مەدەت بەرگەن. ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى موسكۋا ئەتراپىدىكى تۇشنىسكىي كەنتىدە تۇرغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان. تۇشنىسكىي قوشۇنى ئىشغالىيەت رايونىدا زورلۇق-زومبۇلۇق، خالىغانچە ئەسكىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، روسىيە خەلقىنىڭ چەكسىز غەزىپىنى قوزغىغان. 1608-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، لىژېدمىترىي Ⅱ كونترول قىلىپ تۇرغان ۋولگا دەرياسى ۋادىسىدىكى نۇرغۇن جايلاردا خەلق قوزغىلىڭى پارتلىغان. 1609-يىلى ئەتىيازغىچە، قوزغىلاڭچى قوشۇن ۋولگا دەرياسى ۋادىسى ۋە شىمالدىكى ئىشغال قىلىنغان كۆپ قىسىم شەھەرلەرنى ئازاد قىلغان. پولشا پانلىرى لىژېد مىترىي Ⅱ نى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، 1609-يىل كۈزدە، پولشا پادىشاھى زوگمۇنت Ⅲ ئۆزى قوشۇن باشلاپ، سىمولېنسكىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە لىژېد مىترىي ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان پولشالىقلارنى ئۆز قوشۇنىغا قايتىپ كېلىشكە چاقىرغان.1610-يىلىنىڭ بېشىدا (1609-يىلى ئاخىرى دېگەنلەرمۇ بار) لىژېدمىترىي Ⅱ دېھقانچە ياسىنىپ، كازاكلار ۋە بەزى پولشالىقلارنى باشلاپ، تۇشنىسكىيدىن كالىگاغا قاچقاندا، قول ئاستىدىكىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. 

چار پادىشاھىغا ئالاھىدە قاراشلىق رايون تۈزۈمى

  • چار پادىشاھىغا ئالاھىدە قاراشلىق رايون تۈزۈمى[يەشمىسى:] چارروسىيە پادىشاھى ئىۋان Ⅳ نىڭ كىنەزلەر (چوڭ ئاقسۆڭەكلەر) نىڭ خوجىلىق زېمىنىغا قارىتا قوللانغان بىر خىل تەدبىرى. ئۇنىڭ مەقسىتى فېئودال تەپرىقىچىلىكىنى تۈگىتىش، چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھوقۇقىنى زەئىپلەشتۈرۈش، ئۆزىنى قوللىغان ئوتتۇرا، ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يەرگە بولغان تەلىپىنى قاندۇرۇش، چار پادىشاھىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت. «ئالاھىدە قاراشلىق تۈزۈمى»(Опдричнина) دېگەن بۇ تېرمىن Опричь (سىرت، ئالاھىدە مەنىسىدە) دىن ئېلىنغان بولۇپ، ئالاھىدە خوجىلىق زېمىنىنىڭ بىر قىسىم تەئەللۇقاتلىرىنى ئاجرىتىۋېلىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. 1565-يىلى ئىۋان Ⅳ روسىيە زېمىنىنى ئىككى قىسىمغا بۆلگەن. يەنى: چوڭ ئاقسۆڭەكلەر باشقۇرۇشىدىكى رايون يەنى ئادەتتىكى رايون بولۇپ، بۇنى چار پادىشاھ رەھبەرلىكىدىكى چوڭ ئاقسۆڭەكلەر دوماسى باشقۇرىدىغان بولغان، ئاساسەن غەربىي قىسمى، غەربىي شىمالىي قىسمى، جەنۇبىي قىسمى ۋە شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ئۈنۈمسىز ۋە چېگرا رايونلار؛ يەنە بىرى، چار پادىشاھىغا ئالاھىدە قاراشلىق رايون بولۇپ، بۇنى چارپادىشاھى ئۆزى باشقۇرغان، تۇپرىقى مۇنبەت ۋە سۇ، قاتناش تەرەققىي تاپقان رايون بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ كۆپ قىسمى ئەسلىدە مىراسخور — كىنەز-بەگلەرنىڭ خوجىلىق زېمىنى. چار پادىشاھ بۇ جايلارنى قايتۇرۇۋېلىپ،بۇنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگۈچى ئوتتۇرا، ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرگە بۆلۈپ بەرگەن. مىراسخور كىنەزلەر قولىدىن كەتكەن زېمىنىنى ئادەتتىكى رايونلاردىن تولۇقلىۋالغان، بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ستېراتېگىيە جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىدىن مەھرۇم بولغان. بۇ تۈزۈم روسىيو چوڭ ئاقسۆڭەكلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. چوڭ ئاقسۆڭەكلەر جېنىنىڭ بارىچە قارشىلىق قىلغان، ئىۋان Ⅳ ئالاھىدە قاراشلىق ھەربىي پولكىنى تەشكىللەپ، ئىنتايىن دەھشەتلىك تېررورلۇق ۋاسىتىلەر بىلەن نۇرغۇنلىغان ئاقسۆڭەك ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ باشلىرى چارروسىيە خەلقئارا كۈرەشتە يېڭىلىپ قالغان. 1571-يىلى ئالاھىدە قاراشلىق ھەربىي پولكتا توپىلاڭ يۈز بەرگەن. ئۇلار قىرىم خانلىقىنىڭ خانى دېۋلېت گىرېي (Девлет Гирей، ؟ — 1577) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ئالاھىدە قاراشلىق ھەربىي پولك بىكار قىلىنغان. بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ئىۋان Ⅳ فېئودال تەپرىقىچى قالدۇق تەسىر كۈچلىرىنىڭ تازىلانغانلىقى، بارلىق فېئوداللار بىلەن بىرلىشىپ بىرلىكتە سىرتقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ، 1572-يىلى «چار پادىشاھىغا ئالاھىدە قاراشلىق رايون» دېگەن نامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى پادىشاھلىق «قورۇق»قا ئۆزگەرتكەن. ئالاھىدە قاراشلىق رايون تۈزۈمىمۇ پەيدىنپەي بوشىشىپ قالغان. 1584-يىلى بىكار قىلىنغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان. 

چاركىس توپالى

  • چاركىس توپالى[يەشمىسى:]Charcis Topali، 1880 — 1915) ئالبانىيە ۋەتەنپەرۋەر قىسىملىرىنىڭ ئوفىتسېرى. 1906 — 1908-يىللاردىكى تۈركىيىگە قارشى قوراللىق كۈرەشكە قاتناشقان. 1908-يىلى 3-ئايدا قوشۇن باشلاپ بېرىپ گجروكاستېر (Gjiro Kastra) شەھىرىدە تۈركىيىنىڭ شەھەر گارنىزون قىسمىنىڭ قوماندانىنى ئۆلتۈرگەن ھەمدە تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ ئۆتكەن، بۇ تۈركىيىگە قارشى قوزغىلاڭنى قوزغاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. كېيىن قارا تاغلىقلار ئارمىيىسى بېسكودانى ئىشغال قىلغاندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. 

چارلېس

  • چارلېس[يەشمىسى:]1) چارلېس (پاينەكباش) (Charlesle Chauve. 823 — 877). غەربىي فرانك كورۇلى(843 — 877). لۇئى (ساداقەتمەن) نىڭ ئوغلى. مىلادى 840-يىلى ئاكىسى لۇئى (گېرمان) بىلەن «سىتراسبۇرگ قەسىمى»نى ئېلان قىلىپ، چوڭ ئاكىسى لوتارىⅠ گە قارشى چىققان. 843-يىلى ئاكا-ئۇكا ئۈچەيلەن «ۋېردون شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، كارولىن ئىمپېرىيىسىنى ئۈچكە بۆلۈۋەتكەن، چارلېس (پاينەكباش) پادىشاھلىقىنىڭ غەربىدىكى يەرلەرگە ئىگە بولۇپ، غەربىي فرانك پادىشاھلىقى دەپ ئاتالغان.847-يىلى ۋە 877-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «مېرىسېن پەرمانى» ۋە «كېرىسىسور-ئوسې پەرمانى» نى چىقىرىپ، غەربىي فرانك فېئوداللىق تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 870-يىلى لۇئى (گېرمان) بىلەن «مېرسېن شەرتنامىسى» نى تۈزۈپ لوررىئانېنى بۆلۈشكەن. 875-يىلى ئىتالىيىگە بېسىپ كىرگەن ۋە رىم پاپاسى جۇئان Ⅲ تەرىپىدىن ئۇنىڭغا تاج كىيگۈزۈلۈپ كورۇل دەپ ئاتالغان. (2) چارلېس (قارانىيەت) (Charlesle Mauvis ياكىChahes Ⅱ، 1332 — 1387) ناۋاررا كورۇلى (1349 — 1387). ئېۋرى (Evreux، پارىژنىڭ غەربىي شىمالىدا) گرافى. قېيىن ئاتىسى جون Ⅱ «ئاق كۆڭۈل ئادەم» بىلەن فرانسىيىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى تالاشقانلىقى ئۈچۈن، 1356-يىلى تۈرمىگە تاشلانغان. ئىككىنچى يىلى قويۇپ بېرىلگەن. كېيىن يەنە 1357 — 1358-يىللىرى پارىژ ئاھالىلىرى قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى ئېتېن مارسېلغا يېقىنلىشىپ پارىژ شاھزادىسى چارلېس (كېيىنكى پارىژ كورۇلى چارلېس Ⅴ) قا قارشى چىققان. 1358-يىلى پىكاردى (Picardy)، نورماندى ۋە ناۋاررا قاتارلىق جايلارنىڭ رىتسارلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جاكلى قوزغىلىڭىنى دەھشەتلىك باستۇرغان. (3) چارلېس (قەيسەر) (Charlesle Temeraire، 1433 — 1477) بورگۇندى كىنەزى (1467 — 1477). جامائەت پاراۋانلىقى ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى. ئۇنىڭغا تەۋە جايلار بورگۇندى كىنەزلىكىدىن باشقا نېدېرلاند ۋە فرانسى-كۈمتې قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅩⅠ نىڭ ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرۈشىگە قارشى تۇرغان ھەمدە ئەنگلىيە كورۇلى ئېدۋارد Ⅳ (Edward Ⅳ، 1442 — 1483) نىڭ سىڭلىسى مارگرېت بىلەن توي قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئەنگلىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. كۆپ قېتىم نېدېرلاند شەھىرىدىكى قوزغىلاڭنى باستۇرغان. 1476-يىلى شۋېتسارىيىگە بېسىپ كىرگەن، ئىككىنچى يىلى 1-ئايدا نانسى (Nancy، ھازىرقى فرانسىيىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان) جېڭىدە شۋېتسارىيە، لوررانى بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن قېپقالغان يەرلەر (بۇرگۇندى كىنەزلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) «بۇرگۇندى مىراسى» دەپ ئاتالغان. 

چارلېس

  • چارلېس[يەشمىسى:] Ⅰ(1) (CharliesⅠ، 1288 — 1342) ۋېنگرىيە كورۇلى (1308 — 1342). ئەسلى نېئاپول پادىشاھلىقى ئانجۇخان جەمەتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئىسمى چارلېس روبېرت (Charles Robert). 1301-يىلى ۋېنگرىيە ئارپاد سۇلالىسى ئاياغلىشىپ، ئۇ 1308-يىلى ۋېنگرىيىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان. كېيىن پولشا كورۇلى ۋلادېسلاۋⅠ. لوكېتېكنىڭ قىزى بىلەن توي قىلغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى شەھەرلەرگە ئىمتىياز بېرىپ، سودىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بەرگەن، ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، پادىشاھلىق ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن. (2) كارلوس Carlos Ⅰ، 1500 — 1558) ئىسپانىيە كورۇلى(1516 — 1556)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى(چارلېس Ⅴ دەپ ئاتالغان، 1519 — 1556). ئۇنىڭ دادىسى فىلىپ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ماكىسمىلىيان Ⅰ نىڭ ئوغلى. ئانىسى جۇئاننا ئىسپانىيىدىكى فېردىناندو بىلەن ئىسابېلىنىڭ قىزى. 1516-يىلى فېردىناندو ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسى قالمىغانلىقتىن، كارلۇس قىز نەۋرە سالاھىيىتى بىلەن ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسپانىيە ھەمدە ئىسپانىيىگە قاراشلىق جەنۇبىي ئىتالىيە، سىتسىلىيە، ساردىنىيە ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەرنى ئىلكىگە ئالغان. 1519-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورلۇقىغا سايلانغان. 1535-يىلى شىمالىي ئافرىقىغا قوشۇن تارتىپ، تۈركلەرنىڭ قولىدىن تونىسنى (ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە قولىدىن كەتكەن) تارتىۋالغان. ئىسپانىيە ۋە نېدېرلاندقا مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپ، 1520 — 1522-يىللىرى ئىسپانىيە شەھەر جامائەت قوزغىلىڭى، شۇنىڭدەك 1539 — 1540-يىللىرى نېدىرلاندتىكى گېنت قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. ئىتالىيىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، فرانسىيە كورۇلى فرانسۇس Ⅰ بىلەن ئۇزاق مۇددەتكىچە ئۇرۇش قىلغان («ئىتالىيە ئۇرۇشى» غا قارالسۇن). گېرمانىيىنىڭ دىنىي ئىسلاھاتى ۋە دېھقانلار ئۇرۇشىغا قارشى چىققان. 1547-يىلى مولبېرگ (Muhberg، گېرمانىيىنىڭ شەرقىدىكى كىچىك بازار) دا پروتېستانت بەگلىكلىرى بىرلەشمە ئارمىيىسىنى يەڭگەن؛ 1552-يىلى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ،1555-يىلىغا كەلگەندە «ئوگسبۇرگ دىنىي سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان. ئىككىنچى يىلى پادىشاھلىق ئورنىدىن چۈشۈپ، ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىقى بىلەن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورلۇقىنى ئوغلى فىلپ (يەنى فىلىپⅡ) ۋە ئىنىسى فېردىناندو (يەنى فېردىناندوⅠ) غا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆتۈنۈپ بەرگەن.(3) (CharlesⅠ،1600 — 1649). ئەنگلىيە ستۇئارت سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1625 — 1649). جامېس Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن دادىسىنىڭ سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پارلامېنت بىلەن قارشىلاشقان، پۇرىتانلارنى باستۇرۇپ، يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان سودا-سانائەتكە زەربە بەرگەن. 1628-يىلى پارلامېنت بىلەن قارشىلىشىپ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن «ھوقۇق مۇراجىئەتنامىسى» نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1629 — 1640-يىللىرى پارلامېنتسىز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزگەن. 1640-يىلى شوتلاندىيە ئۇرۇشى بولغانلىقتىن پارلامېنت چاقىرىشقا مەجبۇر بولغان. 1642-يىلى پىم (Jahm Pym، 1584 — 1643) قاتارلىق پارلامېنت رەھبەرلىرىنى قولغا ئېلىش سۇيىقەستى ئەمەلگە ئاشماي، ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان. ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتا يېڭىلگەن. 1649-يىلى 1-ئايدا پارلامېنت تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.(4)(KarlⅠ، 1887 — 1922). ئاۋسترىيە كورۇلى (1916—1918)، ۋېنگرىيە كورۇلى (كارل Ⅳ دەپ ئاتالغان، 1916—1918). 1918-يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاۋسترىيىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىدىن قالدۇرۇلغان، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋېنگرىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىدىن قالدۇرۇلغان. كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، 1921-يىلى سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ۋېنگرىيىگە قايتىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان، ئىككىنچى يىلى پورتۇگالىيىدە ئۆلگەن. 

چارلېس

  • چارلېس[يەشمىسى:] Ⅱ(CharlesⅡ، 1630 — 1685) ئەنگلىيە ستۇئارت سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1660 — 1685)، چارلېسⅠ نىڭ ئوغلى. ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىغا قارشى تۇرغان، 1646-يىلى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1650-يىلى شوتلاندىيىگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە ئەنگلىيىگە تاجاۋۇز قىلغان. 1651-يىلى كرومۋېل تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ، فرانسىيىدە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن. 1660-يىلى قايتىدىن تىرىلىپ، پادىشاھلىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىستىبداتلىق ھۆكۈمرانلىقىنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرگەن. دۆلەت دىنىدىن پايدىلىنىپ پورىتانلارغا زىيانكەشلىك قىلغان. ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا قاتناشقۇچىلارنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئۇلارنى تەقىپ ئاستىغا ئالغان، ھەتتا كرومۋېل قاتارلىقلارنىڭ جەسىتىنى قاتتىق قامچىلىغان. كېيىن «كابال» گۇرۇھىدىكى بەش ۋەزىرنى ئەتىۋارلاپ ئىشقا سالغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى ئىككى قېتىم گوللاندىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، گوللاندىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىسىنى تارتىۋالغان؛ شۇنىڭدەك كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان فرانسىيە بىلەن بىرلەشكەن. 1672-يىلى «دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، كاتولىك دىنىي كۈچلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ پارلامېنتتىكى كۆپلىگەن ئەزالارنىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن «خىتابنامە» نى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان. لېكىن پارلامېنت بىلەن كورۇل ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش يەنىلا داۋاملاشقان. 

چارلېس

  • چارلېس[يەشمىسى:] Ⅲ(1)(CharlesⅢ، 819 — 929) فرانسىيە كورۇلى (893 — 923). مىلادى 898-يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت سورىغان. 911-يىلى نورمانلارنىڭ باشلىقى روللو بىلەن سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈپ، نورماندىيىنى نورمانلارنىڭ ئىدارە قىلىشىغا بۆلۈپ بەرگەن، شۇنداق قىلىپ، نورماندىيە كىنەزلىكى بارلىققا كەلگەن. شۇ يىلى چارلېس لوررا ئىنغا تاجاۋۇز قىلغان. 922-يىلى چوڭ فېئوداللار ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئۇنى تەختتىن چۈشۈرگەن. ئىككىنچى يىلى سوئىسسون (Soissons) جېڭىدە يېڭىلىپ ئەسىرگە چۈشكەن، كېيىن تاكى ئۆلگىچە نەزەربەند ئاستىدا تۇرغان. (2) (CarlosⅢ 1716 — 1788). ئىسپانىيە كورۇلى (1759 — 1788) فىلىپⅤ(FelipeⅤ، 1683 — 1746) نىڭ ئوغلى. 1732-يىلى پالما كىنەزىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان. 1734-يىلىدىن كېيىن نېئاپولنىڭ كورۇلى بولغان. 1759-يىلى ئۇنىڭ ئانا باشقا ئاكىسى فېرناندو Ⅵ (FernandoⅥ، 1713 — 1759) ئۆلگەندىن كېيىن ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان. تەختتىكى مەزگىللىرى ئىزوئىتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىنى ئىسپانىيە، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ مۇستەملىكىلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. دۆلەت ئىشلىرى كېڭىشى تەسىس قىلىپ ۋەزىرلەرنىڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرغان؛ ياللانما ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمىنى ئەسكەرلىككە چاقىرىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىپ، ئارمىيە ئىچىدە پرۇسسىيىچە ھەربىي مەشق تۈزۈمىنى يولغا قويغان؛ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەردە يولغا قويغان؛ مۇستەملىكىدىكى سودىنى چەكلەشتەك ئەنئەنىۋى سىياسەتنى ئۆزگەرتىپ، مۇستەملىكىلەردىكى ھەرقايسى پورتلارنى ئىسپانىيىدىكى پورتلار بىلەن ئەركىن سودا قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان. دىپلوماتىيە جەھەتتە فرانسىيە بىلەن بىرلىشىپ ئەنگلىيىگە قارشى تۇرغان. 1761-يىلى فرانسىيە بىلەن «بوربۇن جەمەتى ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسى» تۈزۈپ، ئىسپانىيىنى «يەتتە يىللىق ئۇرۇش» قا سۆرەپ كىرىپ، ئۇرۇشتا يېڭىلگەندىن كېيىن فلورىدانى ئەنگلىيىگە بۆلۈپ بەرگەن شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى ۋاقتىدا شىمالىي ئامېرىكا خەلقىگە ياردەم بەرگەن ھەمدە 1779-يىلى ئەنگلىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ «پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى» دا فلورىدا بىلەن مىنوركا ئارىلىنى قايتۇرۇۋالغان.

چارلېسⅤ(ئەقىللىق)

  • چارلېسⅤ(ئەقىللىق)[يەشمىسى:]CharlesⅤ Lesage، 1337 — 1380) فرانسىيە ۋارۇيا سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1364 — 1380) يۈز يىللىق ئۇرۇش (1337 — 1453) داۋامىدا فرانسىيە كورۇلى جۇئان Ⅱ (ئاق كۆڭۈل) 1356-يىلى پوئىتېرېس جېڭىدە ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشكەن، چارلېس ۋەلىئەھدلىك سالاھىيىتى بىلەن دۆلەتنى نازارەت قىلىپ تۇرغان. 1357-يىلى ئېتېننې مارسېل باشچىلىقىدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى ئارقىسىدا«مارت پەرمانى» نى ئېلان قىلىپ، ئۈچ دەرىجىلىكلەر كېڭىشىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى تەرتىپكە سېلىشقا قوشۇلغان، لېكىن ھېچقايسىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان، 1358-يىلى پارىژ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. كېيىن ناۋاررا كورۇلى چارلېس (ئۇششۇق) بىلەن بىرلىشىپ جاكوئىس قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1360-يىلى ئەنگلىيە بىلەن «برېتىگنى سۈلھ شەرتنامىسى» تۈزگەن. 1364-يىلى دادىسى لوندوندا تۈرمىدە ئۆلگەن. شۇنداق قىلىپ، رەسمىي تەختكە چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ، باجنى تەرتىپكە سېلىپ، دۆلەتنى كۈچەيتكەن. 1369-يىلى ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇشنى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1314 -يىلىغىچە كالى قاتارلىق بەش شەھەردىن باشقا، ئەنگلىيە ئىشغالىيىتىدىكى فرانسىيىنىڭ بارلىق زېمىنىنى قايتۇرۇۋالغان.

چارلېس

  • چارلېس[يەشمىسى:] Ⅵ(1)(CharlesⅥ ياكى Charles le Bien Aime، 1368 — 1422) فرانسىيە ۋارويا سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1380 — 1422). نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. تەختتىكى مەزگىللىرى پادىشاھلىق ھوقۇقى ئاجىزلاپ كەتكەن. چوڭ فېئوداللار شايكا توپلاپ گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرغان («ئامانياك گۇرۇھى»غا قارالسۇن)، خەلق ئاممىسى ئارقىمۇ ئارقىدىن بازغانچىلار قوزغىلىڭى ۋە كابوشې قوزغىلىڭىنى كۆتۈرگەن. 1415 — يىلى ئەنگلىيە يېڭىباشتىن يۈز يىللىق ئۇرۇشنى (1337 — 1453) قوزغىغان ھەمدە ئازىنكورت جېڭىدە فرانسىيە ئارمىيىسىنى يېڭىپ، فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن پارىژ شەھىرىنى بېسىۋالغان. 1420-يىلى 5-ئايدا ئەنگلىيە، فرانسىيە ئىككى تەرەپ «ترويېس كېلىشىمى» تۈزگەن. بۇنىڭدا: چارلېس Ⅵ نىڭ ئوغلى چارلېس (كېيىنكى كۈنلەردىكى چارلېس Ⅶ) نىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنىدۇ. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن فرانسىيىنىڭ تەختىگە ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅴ قوشۇمچە ئىگە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. (2) (KarlⅣ، 1685 — 1740). ئاۋسترىيە كورۇلى، گېرمانىيە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1711 — 1740). تەختتىكى مەزگىللىرى داۋاملىق تۈردە ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىسپانىيىگە قاراشلىق نېدېرلاند (بېلگىيە)، لومباردىيە (مىلاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، نېئاپول ۋە ساردىنىيە ئارىلى قاتارلىق جايلارنى قولغا كەلتۈرگەن. 1716 — 1718-يىللىرى ۋە 1737 — 1739-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغىغان. 1733 — 1735-يىللىرى پولشانىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ئاۋسترىيە زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. ئوغلى بولمىغانلىقتىن 1713-يىلى «دۆلەت يارلىقى» چۈشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى چوڭ قىزى مارىيە تىرېساغا قالدۇرىدىغانلىقىنى بېكىتىپ، ھابېسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ ئۆز تېررىتورىيىسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قالماقچى بولغان، بۇ فرانسىيە، پرۇسسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، كېيىنكى چاغلاردا ئاۋسترىيىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىشنى تالىشىش ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

چارلېس

  • چارلېس[يەشمىسى:] Ⅶ (CharlesⅦ، 1422 — 1461) فرانسىيە ۋارۇيا سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1422 — 1461). فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅵ نىڭ ئوغلى. يۈز يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە (1337— 1453)، 1420-يىلدىكى ئەنگلىيە، فرانسىيە «ترويېس كېلىشىمى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى ئېلىپ تاشلانغان. 1422-يىلى چارلېس Ⅵ ئۆلگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅵ فرانسىيىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى قوشۇمچە ئىگىلىگەن؛ چارلېس فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان (شىمالىي قىسمى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتىدە تۇرغان). كېيىن چارلېس ئايال مىللىي قەھرىمان جېنناند پاركنىڭ قەھرىمانلىق بىلەن ئۇرۇش قىلىشىغا تايىنىپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ قىلغان ۋە قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋالغان. 1429-يىلى 7-ئايدا، رەسمىي تاج كىيىپ، چارلېس Ⅶ دەپ ئاتالغان. ئۇ يەنە مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرۇپ، دائىملىق باج ئېلىپ، پادىشاھلىق ھوقۇقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىگەن. 1435-يىلدىن كېيىن قەرەللىك ھالدا ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى ئاچمايدىغان بولغان. 1453-يىلى يۈز يىللىق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 

چارلېس

  • چارلېس[يەشمىسى:] Ⅹ (Charles Ⅹ، 1757 — 1836) فرانسىيە كورۇلى (1824 — 1830). لۇئى ⅩⅥ ۋە لۇئى ⅩⅧ نىڭ ئۇكىسى. دەسلەپ گراف ئاتوۋا دەپ ئاتالغان. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كېتىپ، جاھىل مۇنارخىستلارنىڭ كاتتىبېشىغا ئايلىنىپ كەتكەن ۋە ۋاندىيىگە بېرىپ توپىلاڭغا باشچىلىق قىلغان. 1814-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. لۇئى ⅩⅧ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى پادىشاھلىق تەختىنىڭ ۋارىسى دەپ بېكىتىلگەن. 1824-يىلى لۇئى ⅩⅧ ئۆلگەندىن كېيىن تەختكە چىقىپ بىرقاتار ئەكسىيەتچى ئەمر-پەرمانلارنى، مەسىلەن: «تەڭرىگە بىھۈرمەتلىك قىلىش قانۇنى»، «شېھىتلەرگە بىر مىليارد فرانك پۇل تۆلەش قانۇنى»، «نەشرىياتچىلىق پەرمانى» ۋە «ئىيۇل پەرمانى» قاتارلىقلارنى چىقارغان. 1830-يىلى ئىيۇل ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇلغان. كېيىن مەملىكەتتىن قوغلاپ چىقىرىلغان، كېيىن ئاۋسترىيىدە ئۆلگەن. 

چارلېس مارتېل

  • چارلېس مارتېل[يەشمىسى:]Charles Martel، تەخمىنەن 688 — 741) فرانك پادىشاھلىقى مېروۋې سۇلالىسىنىڭ ئوردا ۋەزىرى. ئىمپېراتور كارولۇنىسنىڭ بوۋىسى. مىلادى 714-يىلى دادىسى ئائۇستراسىيا (Austrasia) نىڭ ئوردا ۋەزىرلىك ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان. كېيىن فرانك پادىشاھلىقىنى يېڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پادىشاھلىقنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان. مەركەزنىڭ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئاسىيلىق قىلغان ئاقسۆڭەكلەر بىلەن دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلغان ۋە بۇ يەرلەرنى ھەربىي خىزمەت ئۆتەشنى شەرت قىلىپ رىتسارلارغا سۇيۇرغال تەرىقىسىدە بۆلۈپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن فېئوداللىق يەر مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە فېئوداللىق دەرىجە تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 732-يىلى فرانك رىتسارلىرىنى باشلاپ، پوئىتىيىر جېڭىدە ئەرەبلەرنى يېڭىپ، ئۇلارنىڭ غەربىي ياۋروپاغا يەنىمۇ كېڭىيىشىنى توسقان. شۇڭا، «مارتېل» («بازغان» دېگەن مەنىدە) دېگەن نامغا ئىگە بولغان.

چارۋاكا

  • چارۋاكا[يەشمىسى:]Charvaka) «جاھاندارچىلىق نەزەرىيىسى» گە قارالسۇن. 

چارۋىچىلىق ئىگىلىكى

  • چارۋىچىلىق ئىگىلىكى[يەشمىسى:] چارۋا-ماللارنى بېقىشنى ئاساس قىلغان ئىگىلىك. ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ تۆۋەن باسقۇچى (يېڭى تاش قورال دەۋرى) دە پەيدا بولغان، دېھقانچىلىق بىلەن بىللە ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدىكى ئاساسىي ئىقتىسادىي تارماق. بۇ دەۋردە ئىنسانلار تەبىئىي يېمەكلىكلەرنى يېغىشنى ئاساس قىلغان دەۋردىن تەبىئىي مەھسۇلاتلارنى كۆپەيتىش دەۋرىگە ئۆتۈپ، ئىجتىمائىي ئىقتىساد تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى ئورۇندىغان. چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ئۇزاق داۋام قىلغان ئوۋچىلىق ئىگىلىكىدىن تەرەققىي قىلغان. قارىلىشىچە، مىلادىدىن ئىلگىرى 10 مىڭىنچى يىللار ئەتراپىدا ئەڭ ئاۋۋال غەربىي ئاسىيادا پەيدا بولغان. دەسلەپ قوي، ئىت قاتارلىق ھايۋانلار بېقىلغان. كېيىن توڭگۇز، كالا، تۆگە، ئات قاتارلىقلار بېقىلغان. ئۇنىڭدىن چىققان يۇڭ، تېرە، گۆش، سۈتتىن ئىشلەنگەن نەرسىلەر ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى ۋە قول سانائىتى خام ئەشياسىنىڭ مەنبەسىنى كېڭەيتكەن. چارۋىچىلىقنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى زور دەرىجىدە ئۆسكەن، بۇ ھال ئاخىرى مەھسۇلات ئوشۇقچىلىقى، دائىملىق ئالماشتۇرۇش ۋە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئەرلەر ئاستا-ئاستا ئاياللارنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەن، بۇ ئاتىلىق ھوقۇقى تۈزۈمىنىڭ تىكلىنىشىدىكى ماددىي ئاساس بولغان. چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن دېھقانچىلىق ئىگىلىكى بىللە ساقلىنىپ كەلگەن، كۆچمەن قەبىلىلەر چارۋىچىلىققا لايىق رايونلاردا بولسا ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە ئىجتىمائىي ئىقتىسادتا ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەن.

چاسا سەپ

  • چاسا سەپ[يەشمىسى:] قەدىمكى پىيادە ئەسكەرلەرنىڭ زىچ سەپكە تۇرىدىغان جەڭگىۋار سېپى. قەدىمكى يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى (مەسىلەن: تىبىس قاتارلىقلار) بولۇپمۇ ماكېدونىيە پادىشاھلىقى چاسا سەپ تاكتىكىسى جەھەتتە مەشھۇر بولغان. يەنى، ئۇرۇش قىلغان چاغدا قولىغا ئۇزۇن نەيزە ۋە قالقان ئالغان پىيادە ئەسكەرلەر زىچ سەپ بولاتتى؛ سپارتادا ئادەتتە بىر سەپتە سەككىز قۇر، تېبىسدا (ئېپامنونۇس) بىر سەپتە 12 قۇر، ماكېدونىيىدە بولسا بىر سەپتە 16 قۇر ئادەم (كۆپ بولغاندا 24 قۇر) بولاتتى. ھەربىر چاسا سەپتە تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئادەم بولاتتى. توغرا سەپ بويىچە يۈرۈش قىلغان ئەسكەرلەر زىچ سەپ بولۇپ، قاتارلار ئارىلىقى ھۇجۇمغا ئۆتكەندە بىر مېتردىن ئاشمايتتى. پۈتۈن سەپنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر كىلومېترغا سوزۇلاتتى. مەسىلەن: ماكېدونىيە چاسا سېپىنىڭ يادروسى ئېغىر قوراللانغان پىيادە ئەسكەر بولۇپ، ئەسكەرلەر پۈتۈن بەدىنىنى توسۇپ تۇرىدىغان چوڭ قالقان، قىلىچ ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللىناتتى، كەينىدىكى قاتاردا تۇرغان ئەسكەرلەرنىڭ نەيزىلىرى ئالدىدىكى قاتاردىكى ئەسكەرلەرنىڭ مۈرىسىگە قويۇلاتتى، بۇنداق قىلغاندا ئالدىدىكى قاتاردىكىلەر كەينىدىكى قاتاردىكىلەرنىڭ (بەزىدە بىرنەچچە قاتاردىكىلەرنىڭ) نەيزىسىنىڭ مۇھاپىزىتىگە ئېرىشەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېنىك قوراللانغان ئەسكەرلەر ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر چاسا سەپنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى. مۇنداق زىچ ھالەتتىكى نەيزىلىك سەپنىڭ ئۇدۇلدىن زەربە بېرىش كۈچى ئىنتايىن قاتتىق بولاتتى، لېكىن ئۇلاردا جانلىقلىق كەمچىل بولۇپ، ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا ھەمىشە قالايمىقانلىشىپ كېتەتتى. نەتىجىدە، قارشى تەرەپ ئوڭايلا سەپنى بۆسۈپ تاشلايتتى. 

چاسا شەكىللىك ئۇچلۇق مۇنار

  • چاسا شەكىللىك ئۇچلۇق مۇنار[يەشمىسى:] ئىنگلىزچە Obelisk، ئەسلى گرېكچە Obeliskos دېگەندىن كەلگەن. ئۇچى ئۇچلۇق چاسا تۈۋرۈك شەكىلدىكى تاش مۇنار. خاتىرە تاشنىڭ بىر خىل شەكلى. قەدىمكى مىسىردا كەڭ تارقالغان، قۇياش ئىلاھىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، يورۇقلۇق ۋە ھاياتلىقنىڭ ۋەكىلى. ئادەتتە غايەت زور تاشتىن ياسالغان، ماتېرىيالغا بۈگۈنكى ئاسۋاندىكى قىزىل رەڭلىك گرانت تاش ئىشلىتىلگەن. كۆپىنچە ئىبادەتخانا ۋە ئوردىلارنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جۈپ قىلىپ ئورنىتىلغان. مۇنارغا تەسۋىرىي خەتلەر ياكى رەسىملەر ئويۇلغان. تۆتىنچى سۇلالە دەۋرىدە ياسالغان بولۇشى مۇمكىن. قۇياش ئىلاھىغا چوقۇنۇش مەركىزى بولغان ئون شەھىرىدە (An ياكى On، گرېكچە خېلىئوپولىس Heliopolis يەنى قۇياش شەھىرى دېگەنلىك) بىرقانچە يەردە بولۇپ، ھازىر پەقەت ئون ئىككىنچى سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى سېسوسترىس(SesostrisⅠ) تەختتىكى چاغدا (مىلادىدىن ئىلگىرى 1971 — 1921) ياسالغىنىدىن بىرى ساقلىنىپ قالغان. كارناك ئاممون ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى بىر جۈپنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئون سەككىزىنچى سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى تۇتموسⅠ(ThutmosⅠ) ۋە ئايال پادىشاھ خاتشېپسۇت (Hatshepsut) ياساتقان. ھازىر ساقلىنىپ قالغان ئەڭ چوڭ بىرى ئەسلىدە تۇتموس Ⅲ كارناك ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىغا ياساتقىنى بولۇپ، ھازىر رىمدىكى لاتېران ئوردىسىنىڭ مۇقەددەس جون مەيدانىدا. مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 32 مېتر بولۇپ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 230 توننا كېلىدۇ. مەشھۇر بىر جۈپ «كلېئوپاترا چاسا شەكىللىك ئۇچلۇق مۇنار» بولسا ئەسلى تۇتموس Ⅲ قۇياش شەھىرىگە ئاتاپ ياساتقان بولۇپ، مىلادىدىن 14 يىل ئىلگىرى رىم پادىشاھى ئاۋگوست تەرىپىدىن ئالېكساندرىيىگە يۆتكەپ كېتىلگەن. ⅪⅩ ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قولغا كىرگۈزۈۋالغان. ھازىر ئايرىم-ئايرىم لوندوندىكى تېمزا دەرياسى قېشىدا ۋە نيۇ-يورك مەركىزى باغچىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. ئالدىنقىسىنىڭ ئېگىزلىكى 9.20 مېتر، كېيىنكىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2.21 مېتر بولۇپ، مۇنارىغا تۇتموس Ⅲ ھەمدە رامسېس Ⅱ نىڭ تەسۋىرى خەتلىرى ئويۇلغان. 

چاسلاۋ كلونىمىروۋىچ

  • چاسلاۋ كلونىمىروۋىچ[يەشمىسى:]Caslav Klonimirovic، ؟ — تەخمىنەن 960) سېربىيە كىنەزى. سېربىيىدىكى ژۇپانىڭ ئەۋلادى. مىلادى 924-يىلى ئىمپېراتور سىميون سېربىيىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، بارىمتاي سۈپىتىدە بۇلغارىيىدە تۇرغان. تەخمىنەن 927-يىلى سېربىيىگە قېچىپ كەلگەن ھەمدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، سېربىيىنى بولغارىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدۇرغان. تەختتىكى مەزگىلىدە سېربىيىنىڭ كۆپ قىسىم تېررىتورىيىسىنى بىرلەشتۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، راسكا (Raska)، زېتا (Zeta)، ترابۇنىيە (Trabunia)، ھۇم (Hum) ۋە بوسىنىيە (Bosnia) قاتارلىق جايلار بار. 

چاغاتاي خانلىقى

  • چاغاتاي خانلىقى[يەشمىسى:] موڭغۇللارنىڭ تۆت خانلىقىنىڭ بىرى. چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاينىڭ سۇيۇرغال يېرى. ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگىلىگەن، ئالمالىق (ھازىرقى جۇڭگو غۇلجا شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدا) نى پايتەخت قىلغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئوگداي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى قايدۇ لەشكەر تارتىپ، يۈەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغان، چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى دۇۋاخانمۇ جور بولغان. 1301-يىلى قايدۇ ئۆلگەندىن كېيىن، دۇۋاخان يۈەن سۇلالىسىگە ئىتائەت قىلغان. 1310-يىلى ئوگداي خانلىقىنىڭ زېمىننى قوشۇۋالغان. كېيىن شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى خانلىققا بۆلۈنۈپ كەتكەن، شەرقىي خانلىق ئوگداي خانلىقىنىڭ ئەسلىدىكى زېمىنىگە ئىگە بولۇپ، قەشقەرنى پايتەخت قىلغان، غەربىي خانلىق ماۋرا- ئۇننەھرگە ئىگە بولۇپ، سەمەرقەندنى پايتەخت قىلغان ھەمدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 1370-يىلى غەربىي چاغاتاي خانلىقى تېمۇر تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان. شەرقىي چاغاتاي خانلىقىدا بۆلۈنۈش يۈز بېرىپ، بارا-بارا ئاجىزلاشقان. 

چاقىرىۋالغۇچىلار

  • چاقىرىۋالغۇچىلار[يەشمىسى:] روسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى قوشۇنىدىكى بوگدانوۋ قاتارلىق كىشىلەر ۋەكىللىك قىلغان «سولچىل» ئاغمىچىلار گۇرۇھى. 1905 — 1907-يىللىرى ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى ئىنقىلابىي ۋەزىيەتنىڭ پەسىيىش مەزگىلىدە كېلىپ چىققان بولۇپ، دۆلەت دۇماسىدىن سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرىنى چاقىرىۋېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. چاقىرىۋالغۇچىلار لېنىنغا قارشى بىر گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە باشقا قانۇنىي تەشكىلاتلاردا خىزمەت ئىشلەشنى رەت قىلىپ، پارتىيە بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان. چاقىرىۋالغۇچىلار شەكلى ئۆزگەرگەن ئەمەلدىن قالدۇرغۇچىلار (لىكۋىداتورلار) نىڭ ئۆزىدۇر. بۈ گۇرۇھ 1909-يىلى بولشېۋىكلار سېپىدىن تازىلاپ چىقىرىۋېتىلگەن. 

چاكا

  • چاكا[يەشمىسى:]Chaka ياكى Shaka، تەخمىنەن 1787 — 1828) جەنۇبىي ئافرىقىدىكى زۇلۇلار دۆلىتىگە ئاساس سالغۇچى. زۇلۇ قەبىلىسى باشلىقىنىڭ نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسى. 22 يېشىدا ئەسكەرلىككە ئېلىنغان، كېيىن دىنگىسىۋايو قوشۇنىدا كوماندىر بولغان. 1816-يىلى دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، دىنگىسۋايونىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، زۇلۇ قەبىلىسىگە قەبىلە باشلىقى بولغان. كېيىنكى يىلى دىنگىسىۋايو ئۇرۇشتا قۇربان بولغاندىن كېيىن، زۇلۇ دۆلىتىنى قۇرۇپ، ھەربىي ئىسلاھاتنى داۋاملاشتۇرۇپ، قەبىلە چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنى ياش دەرىجىسى بويىچە رەتكە ئايرىپ، جەڭگىۋار قوشۇن تەشكىللىگەن؛ ياۋروپادىن قورال-ياراق سېتىۋېلىپ، زىچ جەڭگىۋار ئەترەت شەكلى ۋە تۇيۇقسىز ھۇجۇم بىلەن ياندىن ھۇجۇم قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتەك يېڭى ئۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللانغان؛ ھازىرقى ناتال، ترانسىۋال، ئورېنج ۋە مۇزامبېك قاتارلىق جايلاردىكى قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەنگلىيە ۋە بۇر مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغان. 1826-يىلى ئۆگەي تاغىسى دىنگائان قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 

چاكابۇكو جېڭى

  • چاكابۇكو جېڭى[يەشمىسى:] لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدىكى مۇھىم جەڭلەرنىڭ بىرى. بۇ جەڭ چېلىنىڭ سانتىياگو شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى چاكابۇكو (Chacabuco) تېغىدا بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1817-يىلى 1-ئاينىڭ باشلىرىدا سان مارتىن بىلەن ئوھىگگىنىس ئارگېنتىنادا تەشكىللەنگەن ئاندىس ئارمىيىسىنى باشلاپ مېندوسادىن بەش يۆنىلىش بويىچە يولغا چىقىپ، ئاندىس تاغلىرىدىن ئۆتكەن. 2-ئاينىڭ باشلىرى چىلىغا كىرگەن، 12-كۈنى چاكابۇكو بازىرىدىكى ئىسپانىيە مۇستەملىكە قوشۇنلىرىنىڭ ئەسكىرىي كۈچلىرىنىڭ چېچىلىپ كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن دۈشمەننى تارمار كەلتۈرگەن ھەمدە 2-ئاينىڭ 14-كۈنى غەلىبە بىلەن سانتىياگونى ئىگىلىگەن. 

چاڭئەن شەھىرى

  • چاڭئەن شەھىرى[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ ئۈچ دۆلەت مەزگىلىدىكى كورىيە دۆلىتىنىڭ پايتەختى. شەھەر خارابىسى ھازىرقى پېخىنىياندا. مىلادى Ⅵ ئەسىردە بىنا قىلىنغان. ئۇ ئىچكى شەھەر، شىمالىي شەھەر، ئوتتۇرا شەھەر ۋە تاشقى شەھەر قاتارلىق تۆت بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. شەھەر ئايلانمىسى 23 كىلومېتر بولۇپ، داتۇڭ دەرياسى، پۇتۇڭ دەرياسى تەبىئىي ھالدا خەندەك بولغان. ئىچكى شەھەر يەنى ئوردا بولۇپ، ئۇنى شىمالىي، ئوتتۇرا، تاشقى ئۈچ شەھەر مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرغان. ئوتتۇرا شەھەر ئەمەلدارلار مەھكىمىسى رايونى. تاشقى شەھەر ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق رايونى. شەھەرنىڭ كوچىلىرى شەرقتىن غەربكە، جەنۇبتىن شىمالغا كېسىشىپ كەتكەن. چوڭ كوچىلىرىنىڭ كەڭلىكى 40 گەز (تەخمىنەن 13 مېتر)، كوچا ئارىلىقى 500 گەز (تەخمىنەن 170 مېتر) كېلىدۇ. چوڭ كوچىلار ئوتتۇرىسىدا چاسا شەكىللىك رايونلار شەكىللەنگەن بولۇپ، 15 گەز (5 مېتر) كەڭلىكتىكى كىچىك كوچىلار ئارقىلىق تۆت پارچىغا بۆلۈنگەن. 

چالجىيە

  • چالجىيە[يەشمىسى:] غەربىي ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت ۋە يەر-جاي نامى.«تارىخنامە»، «خەننامە»، «كېيىنكى خەننامە» لەردە خاتىرىلىنىشىچە، ئارساك (پارفىيە) نىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ غەربىي دېڭىز (ھازىرقى پېرسىيە قولتۇقى) غا تۇتىشىپ، ھازىرقى ئىراققا توغرا كېلىدۇ. يەنى سېلېۋكىيە پادىشاھلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىلادىدىن 312 يىل ئىلگىرى ئالېكساندرنىڭ سەركەردىسى سېلېۋىكⅠ تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. گۈللەنگەن مەزگىلىدە زېمىنى ئاناتولىيىنىڭ شەرقىي قىسمى، شىمالىي سۈرىيە، مېسوپوتامىيە ۋادىسى ۋە ئىران ئېگىزلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ پايتەختى ئىككى بولۇپ، بىرى تېگىر (دەجلە) دەرياسى بويىدىكى سېلېۋكىيە، يەنە بىرى ئورونت دەرياسى بويىدىكى ئانتاكىيە. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باكتېرىيە بىلەن ئارساك (پارفىيە) ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ مۇستەقىل بولغان. زېمىنى كۈنسېرى كىچىكلەپ بارغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىرگە كەلگەندە زېمىنىدىن پەقەت سۈرىيە، فىنكىيە ۋە ئۇنىڭغا تۇتاش بولغان كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىي بۇرجىكىلا قالغان. مىلادىدىن 64 يىل ئىلگىرى رىم تەرىپىدىن يوقىتىلغان. خاتىرىلىنىشىچە، خەن خېدىنىڭ يۇڭيۇەن 9-يىلى (مىلادى 97-يىلى) غەربىي يۇرت قورۇقچىبېگى بەن چاۋ گەن يىڭنى داكچىن (رىم) غا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن. گەن يىڭ چالجىيىگىچە بېرىپ دېڭىزغاتوسۇلۇپ قېلىپ قايتىپ كەلگەن. ساسسانىلار پېرسىيىسى (226 — 651-يىللىرى) گۈللەنگەندىن كېيىن، چالجىيىنىڭ بۇرۇنقى زېمىنىنى باشقۇرۇپ كەلگەن، شۇ سەۋەبتىن «ۋىينامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە پېرسىيىنى قەدىمكى چالجىيە ئىلى دەپ ئاتىغان. 

چامپاپۇرا

  • چامپاپۇرا[يەشمىسى:]Pura Champa) قەدىمكى دۆلەت نامى (پۇرا سانسىكرىتچە سۆز بولۇپ«شەھەر» دېگەنلىكتۇر). چاملار ھازىرقى ۋيېتنامنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونىدا قۇرغان. چىن ۋە خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدە جۇڭگونىڭ ئايمىقى بولغان. مىلادى 192-يىلى (يەنە بىر مەنبەلەردە 137-يىلى) جۇكۈي خەن سۇلالىسىنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى خان دەپ ئېلان قىلىپ دۆلەت قۇرغان. دەسلەپكى خانى شياڭ لىن دېگەن كىشى بولۇپ، جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا قىسقارتىلىپ لىن شەھىرى دەپ ئاتالغان، تاڭ سۇلالىسىنىڭ جىدى يىللىرى (756 — 758) دىن كېيىن خۇەنۋاڭ دەپ ئۆزگەرتىلگەن. بەش دەۋر ۋاقتىدا (مىلادى Ⅹ ئەسىردە) يەنە چامپاپۇراغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ خانلىق ھىندى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئاھالىسى ھىندى دىنى ۋە ھىنايانا بۇددىزمىغا بەك ئېتىقاد قىلغان، جۇڭگو بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ، ئىككى ئوتتۇرىدا بېرىش-كېلىشنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن. جۇڭگونىڭ رەسمىي تارىخلىرىدا تەپسىلىي خاتىرىلەر يېزىلغان، بۇ خانلىق يەنە قوشنا دۆلەت چېنلا بىلەن دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرغان. Ⅹ ئەسىردىن كېيىن شىمالىي ۋيېتنامدىكى فېئودال سۇلالىنىڭ كۆپ قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچراپ، زېمىنى پەيدىنپەي قوشۇۋېلىنغان. 1471-يىلى خانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنى كېيىنكى لې سۇلالىسى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان. 1697-يىلغا كېلىپ ئاخىرى جەنۇبتىكى ڭۇيېن جەمەتى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 

چامپاسساك

  • چامپاسساك[يەشمىسى:] (Champassak) يەنە بىر نامى باسساك (Bassak). لائۇسنىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمكى خانلىق. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا لانشاڭ خانلىقىغا قارىغان. 1707-يىلى ۋيېن تيان خانلىقىغا قارىغان. 1713-يىلى مۇستەقىل بولغان. 1885-يىلى سىيامغا قوشۇۋېلىنغان. 1893-يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان.

چامپوللىئون

  • چامپوللىئون[يەشمىسى:]Jean Fransois chmpollion، 1790 — 1832)، فرانسىيىلىك مىسىرشۇناس ۋە تىلشۇناس. گرېتسىيە ۋە لاتىن تىل-يېزىقىنى پىششىق ئىگىلىگەن ھەمدە كۆپ خىل شەرق تىل-يېزىقلىرىنى تەتقىق قىلغان. 1822-يىلى ئاساسەن روسېتا ئابىدىسىگە قاراپ مىسىرنىڭ تەسۋىرىي يېزىقىنى تەرجىمە قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، شۇنىڭ بىلەن مىسىرشۇناسلىققا ئاساس سالغان. كېيىن روفول مۇزېيىنىڭ مىسىر بۆلۈمىگە رەھبەرلىك قىلىپ، فرانسىيە ئىنستىتۇتى ئۇنىڭ ئۈچۈن تەسىس قىلغان مىسىرشۇناسلىق لېكسىيىسىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. «قەدىمكى مىسىر تىلى گرامماتىكىسى»، «قەدىمكى مىسىر تىلى لۇغىتى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

چامپۇلاۋ تېغى

  • چامپۇلاۋ تېغى[يەشمىسى:] ۋيېتنامدىكى قەدىمكى يەر نامى. ئۇچلۇق چوققا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھازىرقى نامى چامپا ئارىلى بولۇپ، داناڭ پورتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دېڭىزدا، داچام خەيكۇچېن تېغى. 

چان چان خارابىسى

  • چان چان خارابىسى[يەشمىسى:] (Chan Chan) لاتىن ئامېرىكىسى كېيىنكى كلاسسىك دەۋرىدىكى چىمۇ پادىشاھلىقى پايتەختىنىڭ خارابىسى. پېرودىكى تروجىللو (Trujillo) شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 25 كىلومېتر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، قەدىمكى پېرودىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ. شەھەر سېپىل بىلەن قورشالغان بولۇپ، ئون كوچىغا ئايرىلغان،ھەربىر كوچا تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە ياسالغان بولۇپ،چوڭ-كىچىكلىكى تەڭ، ئۇزۇنلۇقى 400 مېتر، كەڭلىكى 200 مېتر كېلىدۇ. تۆت ئەتراپى كوچا تېمى بىلەن ئورالغان بولۇپ، قېپقالغان كوچا تېمىنىڭ ئېگىزلىكى ئون مېتر كېلىدۇ. كوچىدا پىرامىدا (بۇتخانا)، ئۆي-جاي، بازار، سۇ ساقلاش كۆلى، باغچا قاتارلىقلار بولغان. قۇرۇلۇشلارغا كېسەك ئىشلىتىلگەن بولۇپ، سىرتى سۇۋالغان، بەزى تاملار قۇش، بېلىق، چاقماق قاتارلىق گېئومېترىيىلىك سىزىقلار بىلەن قاپارتما نەقىش چىقىرىپ زىننەتلەنگەن. ھەرقايسى كوچىلار ئوتتۇرىسىدىكى بوش يەرلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئېتىز-ئېرىق، سۇ ساقلاش كۆلى ۋە قەبرىستانلىق بولغان. برونزا ئەسۋابلارنى قۇيالايدىغان بولغان. ساپال ئەسۋابلار پارقىرىتىلغان قارا ساپال قاچىلارنى ئالاھىدىلىك قىلىدۇ، ئەسۋابلاردىن «ئۈزەڭگە شەكىللىك چوگۇنلار» نى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ، جەنۇبنىڭ چەينىكىنى مەنبە قىلغانلىرىمۇ بار. توقۇلما بۇيۇملار ئىنتايىن نەپىس بولغان، گۈللۈك يىپەك رەختلەرنى بوياش ئۇسۇلىنى بىلگەن، يەنە رەڭلىك پەينى پاختا رەختكە تىكىپ باش كىيىمى ياساشنى بىلگەن. 1470-يىلى ئۆپچۆرىسىدە چىمۇ پادىشاھلىقى ئىنكا ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 

چاندراگۇپتا

  • چاندراگۇپتا[يەشمىسى:]Chandragupta)(1) قەدىمكى ھىندىستان ماگاتا دۆلىتىدىكى مائۇريا خاندانلىقىنىڭ ئاساسچىسى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 324 — 300 ياكى تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 321 — 297). كىساترىيا (سودرا دېگەن گەپمۇ بار) تائىپىسىدىن كېلىپ چىققان. ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ماكېدونىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنىنى قوغلاپ چىقىرىشقا قاتناشقان، ئۇنىڭدىن كېيىن ماگاتا دۆلىتىدىكى ناندا خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى خانى دانا ناندانى ئۆلتۈرۈپ، يېڭى خانلىق قۇرغان؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇما ئۇريا جەمەتىدىن بولغاچقا مائۇريا خاندانلىقى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 324 ياكى مىلادىدىن ئىلگىرى 321 — 187) دەپ ئاتالغان، پايتەختى پاتالىپۇترا شەھىرى (ھازىرقى بىخار شتاتىدىكى پاتنا). تەخمىنەن مىلادىدىن 317 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيە ئەسكەرلىرى ھىندىستاندىن چىقىپ كەتكەن، شىمالىي ھىندىستان تۇنجى قېتىم بىرلىككە كەلگەن. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ماگاتا ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ قالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 305 يىل ئىلگىرى، غەربىي ئاسىيادىكى ئارساكلار پادىشاھلىقى ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇققا بېسىپ كىرگەن، ئۇرۇش نەتىجىسىدە سېلېئۇسى پادىشاھلىقى ئومۇمەن بۈگۈنكى ئافغانىستان ۋە بەلۇجىستان ئەتراپىدىكى زېمىنىنى ماگاتا دۆلىتىگە بۆلۈپ بەرگەن، ماگاتا دۆلىتى ئارساكلار پادىشاھلىقىغا 500 ئۇرۇش پىلى بەرگەن، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. جىنا دىنى رىۋايەتلىرىدىن قارىغاندا چاندراگۇپتا پادىشاھى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا جىنا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ھەمدە مۇشۇ دىننىڭ قائىدىسى بويىچە ئاچلىق ئېلان قىلىش بىلەن ئۆلگەنىكەن. (2) ھىندىستاندىكى گۇپتا سۇلالىسىنىڭ ئاساسچىسى (مىلادى تەخمىنەن 320 — 330) چاندراگۇپتا Ⅰ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پايتەختى پاتالىپۇترا شەھىرى. لىچىپى مەلىكىسى كوماراتىپ بىلەن توي قىلىش ئارقىلىق لىچىپىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە، ھۆكۈمرانلىقنى بىخارنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە شىمال شتاتى ھەم بېنگالنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغىچە كېڭەيتكەن، ئۇنىڭ ئوغلى سامۇدراگۇپتا. 

چاندراگۇپتا

  • چاندراگۇپتا[يەشمىسى:] Ⅱ (Chandragupta Ⅱ، ؟ — 413) ۋىكرامادىتىيا پادىشاھ (Vikramaditya) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىندىستاندىكى گۇپتا خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (تەخمىنەن 380 — 413)، سامودرا گۇپتانىڭ ئوغلى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، غەربىي شىمالىي ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىپ، ئۇ يەرگە بېسىپ كىرگەن ساكاسلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرگەن، مەدەنىيەتنى روناق تاپقۇزغان، ئىلمىي ئىشلارغا ئەھمىيەت بەرگەن، چوڭ شائىر كالىداسا قاتارلىق نۇرغۇن مەشھۇر ئالىملار، شائىرلار ۋە سەنئەتكارلارنى توپلاپ، گۇپتا سۇلالىسىنى روناق تاپقۇزغان. 

چان فۇ

  • چان فۇ[يەشمىسى:]1904 — 1931) ھىندىچىنى كومپارتىيىسىنىڭ تۇنجى باش سېكرىتارى. نامرات زىيالىي ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان.نىگېئەن شەھىرىدىكى فرانسىيە-ۋيېتنام مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە ئىنقىلابقا قاتناشقان. 1926-يىلى جۇڭگوغا كېلىپ خۇزىمىن بىلەن كۆرۈشكەن. 1930-يىلى ھىندىچىنى كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارلىقىغا سايلىنىپ، «بۇرژۇئا خەلق ھوقۇقى پروگراممىسى» (قىسقارتىلمىسى «سىياسىي پروگرامما» دەپ ئاتىلىدۇ) نى تۈزۈپ چىققان، ئىككىنچى يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە قۇربان بولغان. 

چاۋاننېس

  • چاۋاننېس[يەشمىسى:]Edouard Chavannes، 1865 — 1918) فرانسىيىلىك جۇڭگوشۇناس. پارىژ ئالىي دارىلمۇئەللىمىنىنى پۈتتۈرگەن. فرانسىيىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئىشلىگەن. 1893-يىلى فرانسىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1895-يىلدىن تارتىپ فرانسىيە ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان. شەرقشۇناسلىق ژۇرنىلى — «ئومۇمىي خەۋەرلەر» نىڭ تەھرىرلىكىگە قاتناشقان. 1916-يىلى ئەنگلىيە خانلىق ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئۇزاق ۋاقىت جۇڭگو قەدىمكى زامان تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ھەمدە تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1895 — 1901-يىللىرى سىماچيەننىڭ بەش جىلدلىق «تارىخنامە» سىنى تەرجىمە قىلىپ چىققان. 1894-يىلى «پالنامە» نىڭ فرانسۇزچە تەرجىمىسىنى نەشىر قىلدۇرغان. ستېيىن جۇڭگو شىنجاڭ رايونىدىن ئېلىپ كەتكەن قەدىمكى زامان كلاسسىك ئەسەر، قول يازما ھۈججەت ۋە تارشا پۈتۈكلەرنى تاللاپ ئېنىقلاپ چىققان ھەمدە ئۇنى ئىزاھلاپ توپلام قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق «غەربىي تۈركلەرنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى»، «جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك خاتىرىلەر» ناملىق تەرجىمە ئەسەرلىرى بار. 

چاۋپراياچاكرى

  • چاۋپراياچاكرى[يەشمىسى:] يەنى «راماⅠ».

چاۋرى چاۋرا ۋەقەسى

  • چاۋرى چاۋرا ۋەقەسى[يەشمىسى:] ھىندىستاننىڭ بىرلەشمە ئۆلكىسى — ئود رايونىدىكى چاۋرى چاۋرا (Chauri Chaura) كەنتى خەلقىنىڭ ئەنگلىيە-ھىندىستان ساقچىلىرىنىڭ باستۇرۇشىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ۋەقەسى. 1922-يىل 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، چاۋرى چاۋرا كەنتى خەلقى يىغىلىپ گەندى قوزغىغان ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشقان، ساقچىلار يىغىلغان ئاممىغا ئوق چىقارغاندا، 2000 دىن ئارتۇق ئامما قوزغىلىپ قارشى تۇرۇپ، كەنت ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلغان ۋە ئۇنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. بىرمۇنچە ساقچىمۇ كۆيۈپ ئۆلگەن. گەندى بىلەن خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم داھىيلىرى بۇ ۋەقەدىن خاتىرجەمسىزلىنىپ،«باردورى قارارى» نى چىقىرىپ ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشنى جاكارلىغان. 

چاۋشيەن مېتال ۋە تاش ئابىدىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى

  • چاۋشيەن مېتال ۋە تاش ئابىدىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى[يەشمىسى:] كىتاب ئىسمى. ياپونىيىلىك كاتسۇراكى چاۋشيەن باش ۋالىي مەھكىمىسى تۈزگەن «مېتال ۋە تاش ئابىدىلەر ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنىڭ كوپىيىسى» دىن 545 دانە مۇھىم مەدەنىي يادىكارلىقلارنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنى ئويۇلغان دەۋرى بويىچە رەتلەپ، مۇشۇ كىتابنى تۈزگەن. ئۇ ئىككى قىسىملىق بولۇپ، 1919-يىلى نەشىر قىلىنغان. 1-قىسمىغا ئۈچ دۆلەتتىن تارتىپ كورىيە دەۋرىگىچە بولغان مېتال ۋە تاش ئابىدە مەدەنىي يادىكارلىقلار كىرگۈزۈلۈپ، توپلىغىلى بولغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئېلىنغان (1) — 200-نومۇرغىچە، 98 دانە مەدەنىي يادىكارلىق قوشۇمچە قىلىنغان)؛2-قىسمىغا لى سۇلالىسىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن(201 — 545 نومۇرغىچە، 5 دانە مەدەنىي يادىكارلىق قوشۇمچە قىلىنغان). ئەسلى ئابىدە يوقلىرىدا بىرقانچە تارىخىي كىتابلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قوشۇمچە ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن. كېيىن تېپىلغان 6 دانە مەدەنىي يادىكارلىق «چاۋشيەن مېتال ۋە تاش ئابىدىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنىڭ تولۇقلىمىسى» غا كىرگۈزۈلۈپ، 1923-يىلى نەشىر قىلىنغان. ئاپتورنىڭ يەنە «چاۋشيەننىڭ مېتال ۋە تاش ئابىدىلىرىنى تەكشۈرۈش» دېگەن ئەسىرى بولۇپ، 1935-يىلى نەشىر قىلىنغان. 

چاۋشيەن-ئامېرىكا شەرتنامىسى

  • چاۋشيەن-ئامېرىكا شەرتنامىسى[يەشمىسى:] تولۇق ئاتىلىشى «چاۋشيەن-ئامېرىكا سودىنى ياخشىلاش شەرتنامىسى». 1882-يىلى 5-ئايدا، ئامېرىكا چاۋشيەننى مەجبۇرلاپ ئىمزالىغان تەڭسىز شەرتنامە. جەمئىي 14 ماددا بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى: ئامېرىكا كونسۇللارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش؛ تۆۋەن نىسبەتلىك تاموژنا بېجى تاپشۇرۇش؛ چاۋشيەن پورتلارنى ئېچىپ سودىنى يولغا قويۇش؛ چاۋشيەندىكى ئامېرىكىلىقلارنى قوغداش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. شەرتنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، روسسىيە، فرانسىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىمۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ چاۋشيەننى بىر قاتار تەڭسىز شەرتنامىلەرنى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، چاۋشيەننى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېرىم مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرغان. 

چاۋشيەن باش نازارەتچى مەھكىمىسى

  • چاۋشيەن باش نازارەتچى مەھكىمىسى[يەشمىسى:] ياپونىيە چاۋشيەننىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن تەسىس قىلغان ئاپپارات. 1905-يىلى ياپونىيە چاۋشيەننى «مۇھاپىزەت قىلىش شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغاندىن كېيىن، مۇشۇ شەرتنامىگە ئاساسەن ئىككىنچى يىلى 2-ئايدا چاۋشيەندە تەسىس قىلغان ھەمدە ئىتومىرو فۇمىنى چاۋشيەننىڭ تۇنجى باش نازارەتچىسى قىلىپ تەيىنلەپ، چاۋشيەننىڭ دىپلوماتىيە چوڭ ھوقۇقىنى ۋە ئىچكى ئىشلارغا نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىلكىدە تۇتۇپ، چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. 1907-يىلى «چاۋشيەن-ياپونىيە يېڭى شەرتنامىسى» تۈزۈلگەندىن كېيىن، باش نازارەتچى مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇقى تېخىمۇ زورايغان. ياپونىيە چاۋشيەننى 1910-يىلى رەسمىي يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، چاۋشيەن باش ۋالىي مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. 

چاۋشيەن باش ۋالىي مەھكىمىسى

  • چاۋشيەن باش ۋالىي مەھكىمىسى[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ چاۋشيەندە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزىدىغان ئەڭ ئالىي ئورگىنى. ياپونىيە 1910-يىلى 8-ئايدا چاۋشيەننى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، بۇرۇنقى باش نازارەتچى مەھكىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، باش ۋالىي مەھكىمىسىنى تەسىس قىلغان. باش ۋالىي ياپونىيىنىڭ خىزمەت ئۆتەۋاتقان قۇرۇقلۇق ئارمىيە، دېڭىز ئارمىيە گېنېراللىرى ئىچىدىن تاللانغان، ياپونىيە تېننوسىغا بىۋاسىتە قارىغان. باش ۋالىي چاۋشيەننىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، ھەربىي، مەدەنىيەت قاتارلىق ئىشلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كەڭ ھوقۇققا ئىگە بولغان. تۇنجى باش ۋالىي تىرائۇچى ماساي. 1919-يىلى 1-مارت ھەرىكىتىدىن كېيىن، ياپونىيە بۇرۇنقى شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىنى يۇمشاق ۋاسىتە بىلەن بېقىندۇرۇش سىياسىتىگە ئۆزگەرتىپ، زىددىيەتلەرنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنغان ھەمدە باش ۋالىينى خىزمەت ئۆتەۋاتقان قۇرۇقلۇق ئارمىيە، دېڭىز ئارمىيە گېنېراللىرىنىڭ ئىچىدىن تەيىنلەش دېگەن چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئەمما ياپونىيە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، چاۋشيەننى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى جىددىيلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاۋشيەننىڭ مىللىي ئەنئەنە، تىل، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوقىتىش تەدبىرلىرىنى مەجبۇرىي يولغا قويۇپ، ياپونىيە بىلەن چاۋشيەننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، چاۋشيەنلىكلەرنى تېننونىڭ پۇقراسىغا ئايلاندۇرۇش، ھەتتا چاۋشيەنلىكلەرنى ياپون فامىلىسىنى قوللىنىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىقلارنى يولغا قويغان. ياپونىيە 1945-يىلى تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چاۋشيەندىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان. 

چاۋشيەن بىلەن ياپونىيىنى قوشۇۋېتىش شەرتنامىسى

  • چاۋشيەن بىلەن ياپونىيىنى قوشۇۋېتىش شەرتنامىسى[يەشمىسى:] ياپونىيە چاۋشيەننى رەسمىي يۇتۇۋالغان شەرتنامە. 1910-يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ياپونىيە چاۋشيەننىڭ لى ۋەنيوڭ ئىچكى كابىنېتى بىلەن ئىمزالىغان. 8 ماددىلىق بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى: چاۋشيەن پۈتكۈل ئىگىلىك ھوقۇقىنى ياپونىيىگە مەڭگۈلۈك ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ: چاۋشيەننىڭ خان جەمەتى «ھۈرمەت قىلىنىدۇ»؛ ياپونىيە باش نازارەتچى مەھكىمىسى باش ۋالىي مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلىدۇ، باش ۋالىي ياپونىيىنىڭ تېننوسىغا بىۋاسىتە قارايدۇ ھەمدە چاۋشيەننىڭ قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە ۋە مەمۇرىي ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، دېگەنلەردىن ئىبارەت. شۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيە چاۋشيەندە قەبىھ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزگەن. 1945-يىلى 9-ئايدا ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 

چاۋشيەن تارىخىي ھۈججەتلىرى مەجمۇئەسى

  • چاۋشيەن تارىخىي ھۈججەتلىرى مەجمۇئەسى[يەشمىسى:] كىتاب ئىسمى. چاۋشيەننىڭ قەدىمكى زاماندىن تارتىپ لى سۇلالىسىغىچە بولغان تارىخىي ھۈججەتلىرىنىڭ توپلىمى. ياپونىيىلىك ئىلىم ئەھلىلىرىدىن تەشكىل قىلىنغان چاۋشيەن تارىخىي كىتابلارنى نەشىر قىلىش كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن 1909 — 1916-يىللاردا تۈزۈلگەن. پۈتۈن كىتاب جەمئىي 137 قىسىملىق بولۇپ، رەسمىي 9 توم، داۋامى 9 توم، يەنە داۋامى 10 توم، باشقا 4 تومغا بۆلۈنگەن. ئۇ مۇھىم تارىخىي ھۈججەتلەر مەجمۇئەسى بولۇپ، ناھايىتى زور تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە. 

چاۋشيەننىڭ ۋەتەن ئازادلىق ئۇرۇشى

  • چاۋشيەننىڭ ۋەتەن ئازادلىق ئۇرۇشى[يەشمىسى:] چاۋشيەن خەلقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. 1945-يىلى 8-ئايدا ياپونىيە تەسلىم بولغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى كېڭىشىپ، چاۋشيەننىڭ شىمالىي پاراللېل °38 سىزىقى(38-پاراللېل) نى ئىككى دۆلەتنىڭ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلغان ياپون ئارمىيىسىنىڭ تەسلىمىنى ئايرىم-ئايرىم قوبۇل قىلىدىغان ۋاقىتلىق ھەربىي چېگرا سىزىقى قىلىپ بېكىتكەن، سوۋېت ۋە ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، 9-ئاينىڭ 8-كۈنى «38-پاراللېل» نىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىغا كىرىپ ئورۇنلاشقان. 1946 — 1947-يىللىرى، «سوۋېت ئىتتىپاقى-ئامېرىكا ئورتاق كومىتېتى» نىڭ چاۋشيەننىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقى ئامېرىكىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولغان. 1950-يىلى 6-ئايدا، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي چاۋشيەن دائىرىلىرىگە ئوتتۇرىغا قويغان شىمال بىلەن جەنۇبنىڭ پارلامېنتىنى ئاساس قىلىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى جەنۇبىي چاۋشيەن دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكا جەنۇبىي چاۋشيەن قوشۇنىنى °38-پاراللېل سىزىقىدىن ئۆتۈپ، شىمالغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتكەن ھەمدە ئۆزىمۇ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئارمىيىسى» دېگەن بايراقنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇرۇشقا رەسمىي قاتناشقان. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بۇ ھۇجۇم مەغلۇپ قىلىنىپ،چاۋشيەن خەلق ئارمىيىسى 9-ئاينىڭ باشلىرىغىچە جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق يېرىنى ئازاد قىلغان. 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسى رېنچۇەندە قۇرۇقلۇققا چىققان ھەمدە شىمالغا ئىلگىرىلىگەن. ئۇنىڭ ئالدىنقى قىسىمى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا يالۇجياڭ دەرياسىنىڭ بويىغا قىستاپ كېلىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىنى غالجىرلىق بىلەن بومباردىمان قىلىپ، ئۇرۇش ئوتىنى جۇڭگو چېگرىسىغىچە تۇتاشتۇرغان. 10-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭگو پىدائىي قوشۇن ئەۋەتىپ، چاۋشيەن خەلقى بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ ئۇرۇش قىلىپ، ئامېرىكا تاجاۋۇزچى قوشۇنىغا زەربە بەرگەن. جۇڭگو-چاۋشيەن قوشۇنلىرى 1950-يىل 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 1951-يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە ئۇدا 5 قېتىم جەڭ قىلىپ، جەمئىي 230 مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقىتىپ، ئۇرۇشنى °38-پاراللېل سىزىق ئەتراپىغا مۇقىملاشتۇرغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنىڭ 1951-يىلى 6-ئايدا تەشەببۇس قىلىشى، ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەن-جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ كېڭىشىشى ئارقىسىدا، 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ كەيچېڭ شەھىرىنىڭ يېنىدىكى بەنمېنديەندە چاۋشيەن ئۇرۇشىنى توختىتىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلگەن. سۆھبەت جەريانىدا ئامېرىكا ئارمىيىسى كۆپ قېتىم قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان ھەمدە ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىقىپ باكتېرىيە ئۇرۇشىنى ئۈزمەي ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ھەممىسىلا چاۋشيەن-جۇڭگو خەلقى تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنغان. 1953-يىلى 5-ئايدا چاۋشيەن-جۇڭگو قوشۇنلىرى قۇدرەتلىك يازلىق ھۇجۇم قوزغاپ، غەلىبە قازانغان. ئامېرىكا 7-ئاينىڭ 27-كۈنى بەنمېنديەندە «چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» گە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر بولغان. چاۋشيەن-جۇڭگو خەلقلىرى ئاخىر ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنى يېڭىپ، ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرغان. 

چاۋشيەننىڭ ئىچكى ئىشلارنى ئىسلاھ قىلىش مۇھىم پروگراممىسى

  • چاۋشيەننىڭ ئىچكى ئىشلارنى ئىسلاھ قىلىش مۇھىم پروگراممىسى[يەشمىسى:] ياپونىيە چاۋشيەننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مەجبۇرلىغان ئىچكى ئىشلارنى ئىسلاھ قىلىش لايىھىسى. 1894-يىلى ياپونىيىنىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئوتورى (1833 — 1911) چاۋشيەن ھۆكۈمىتىگە ئوتتۇرىغا قويغان. جەمئىي 5 ماددىلىق بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى: ئىچكى ئىشلارنى ياپونىيىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىسلاھ قىلىش؛سىئول-رېنچۇەن،سىئول-فۇشەن تۆمۈريوللىرىغا رېلىس ياتقۇزۇش ھوقۇقىنى ياپونىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ مۇھىم پروگرامما ياپونىيە تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنىڭ چاۋشيەنگە چوڭقۇرلاپ كىرىشىگە يول ئېچىپ بەرگەن. 

چاۋشيەن ئېلىپبەسى

  • چاۋشيەن ئېلىپبەسى[يەشمىسى:] چاۋشيەندىكى لى سۇلالىسى دەۋرىدە يارىتىلغان چاۋشيەن يېزىقى. بۇ يېزىق ئېلىپبەلىك يېزىققا كىرىدۇ. چاۋشيەندە قەدىم زامانلاردا ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى يوق بولۇپ، خەنزۇ تىل-يېزىقى ئىشلىتىلگەن. شۇڭا تىل بىلەن يېزىق بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كەتكەن. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا سول چون خەنزۇچە ھەرپلەر بىلەن چاۋشيەن تىل تاۋۇشلىرىنى خاتىرىلەيدىغان ئەمەلدارلار يېزىقىنى ئىجاد قىلغان. لېكىن يەنىلا خەنزۇ تىل-يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىيەلمىگەن. لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىگىلىك ۋە مەدەنىيەت يۈكسەلگەنلىكتىن، ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىنى يارىتىشقا جىددىي ئېھتىياج بولغان. شىزۇڭ دەۋرىدە (1418 — 1450-يىللىرى تەختتە) ئوردىدا تىل-يېزىق جۇجۇقى قۇرۇلۇپ، جېڭ لىنجژ، چېڭ سەنۋېن، شېن شۇجۇ، جياڭ شيەن قاتارلىق ئالىملار چاقىرتىلىپ، چاۋشيەن تىلى فونېتىكىسى بىلەن خەنزۇ تىلى فونولوگىيىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان. 1444-يىلى 1-ئايدا 28 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان ئېلىپبەلىك يېزىق ئىجاد قىلىنىپ، 1446-يىلى «چاۋشيەن ئېلىپبەسى» نامى بىلەن ئېلان قىلىنغان. بۇ ئېلىپبەدە 11 سوزۇق تاۋۇش ھەرپى بار بولۇپ، ئۇلار«. ،-، ا» دىن ئىبارەت ئۈچ ھەرپنى ئاساس قىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىرىكتۈرۈش يولى بىلەن تۈزۈلگەن. ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرى 17 دانە بولۇپ، بۇلار كالپۇك، چىش، تىل، كېكىردەك، بۇرۇن قاتارلىق تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ ئورنىغا سىمۋول قىلىنغان. چاۋشيەن يېزىقىدا ھەرپلەرنى قوشۇپ يېزىش ۋە ھەجىلەش ئۇسۇلى سولدىن ئوڭغا، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تەرتىپتە بولۇپ، باش تاۋۇش (بوغۇم باش تاۋۇشى)، ئوتتۇرا تاۋۇش (بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇش)، سوڭ تاۋۇش (بوغۇم ئاخىرى تاۋۇشى) لارغا بۆلۈنگەن. باش تاۋۇش ۋە ئاياغ تاۋۇشلارغا ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرى ئىشلىتىلگەن، ئوتتۇرا تاۋۇشلارغا بولسا سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى ئىشلىتىلگەن. سۆز ياساش قائىدىلىرى ۋە ھەرپ شەكىللىرى ئۆزگىچە بولۇپ، ھەرپلەرنىڭ سىزىقلىرى ئاددىي ۋە ئېنىق؛ ھەجىلەش ئۇسۇلى ئوڭاي ھەم جانلىق بولغان. شۇڭا ئۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يېزىقلىرى ئىچىدە ئۆزگىچە بىر مۇنەۋۋەر يېزىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چاۋشيەن ئېلىپبەسىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى چاۋشيەن تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ چوڭ ئىش بولۇپ، چاۋشيەننىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

چاۋشيەن-ياپونىيە شەرتنامىسى

  • چاۋشيەن-ياپونىيە شەرتنامىسى[يەشمىسى:] ياپونىيە چاۋشيەننى مەجبۇرىي ئىمزالاتقان شەرتنامە. جەمئىي 3 قېتىم تۈزۈلگەن.(1) 1904-يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىمزالانغان. ئۇنىڭدا چاۋشيەن ھۆكۈمىتى چوقۇم بىر نەپەر ياپونىيىلىك مەسلىھەتچىنى تەكلىپ قىلىشى، مالىيەگە ئالاقىدار بارلىق ئىشلاردا، ئالدى بىلەن ياپونىيىلىك مەسلىھەتچى بىلەن كېڭىشىشى لازىم. يەنە ياپونىيە كۆرسەتكەن باشقا بىر نەپەر چەت ئەللىك مەسلىھەتچىنى تەكلىپ قىلىپ، دىپلوماتىيىگە ئالاقىدار بارلىق ئىشلاردا، ئالدى بىلەن ئاشۇ چەت ئەللىك مەسلىھەتچى بىلەن مۇزاكىرىلىشىشى لازىم، دەپ بەلگىلەنگەن. (2) «مۇھاپىزەت قىلىش شەرتنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1905-يىل 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىمزالانغان. ئۇنىڭدا چاۋشيەننىڭ بارلىق دىپلوماتىيە ئىشلىرىنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېجىرىلىدىغانلىقى؛ چاۋشيەننىڭ ياپونىيە ۋەكىلىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولىدىغانلىقى؛ بۇنىڭغا ئاساسەن، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىئولدا باش نازارەتچى مەھكىمىسىنى قۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى؛ ھەرقايسى سودا پورتلىرىدا كونسۇل ھوقۇقىنى ۋەكالىتەن يۈرگۈزىدىغان ئىش بېجىرگۈچىلەرنى قويىدىغانلىقى؛ ھەرقايسى ئەللەر دىپلوماتىك ئەمەلدارلىرىنىڭ چاۋشيەندىن چىقىپ كېتىدىغانلىقى ۋەھاكازالار بەلگىلەنگەن. چاۋشيەن ياپونىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. (3)«يەتتە ماددىلىق شەرتنامە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1907-يىل 7-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىمزالانغان. ئۇنىڭدا چاۋشيەننىڭ بارلىق ئىچكى ئىشلىرىنىڭ ياپونىيىلىك باش نازارەتچىنىڭ ئىلكىدە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. چاۋشيەن ئەمەلىيەتتە ياپونىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 

چاۋشيەن-ياپونىيە كېلىشىمنامىسى

  • چاۋشيەن-ياپونىيە كېلىشىمنامىسى[يەشمىسى:] چاۋشيەن مەجبۇرىي ھالدا ياپونىيە بىلەن ئىمزالىغان تەڭسىز شەرتنامە. 1904-يىل 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىمزالانغان. ئاساسىي مەزمۇنى ياپونىيىنىڭ چاۋشيەندە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئەركىنلىك ھوقۇقى ۋە چاۋشيەننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش؛ چاۋشيەن ياپونىيىنىڭ قوشۇلۇشىغا ئىگە بولماي تۇرۇپ، ئۈچىنچى دۆلەت بىلەن يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارغا خىلاپ كېلىدىغان شەرتنامە ئىمزالىماسلىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

چاۋىن مەدەنىيىتى

  • چاۋىن مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] پېرۇنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتىنىڭ «شەكىللىنىش مەزگىلى» دىكى بىر خىل مۇھىم مەدەنىيەت. ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېردىكى خارابىلىقىنىڭ ئورنى لىمانىڭ شىمالىدىن تەخمىنەن 270 كىلومېتر كېلىدىغان جايدىكى چاۋىن دې خوئانتار (Chavin de Huantar) دېگەن يەردە بولغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ مەدەنىيەت پېرۇنىڭ شىمالى ۋە ئوتتۇرا قىسمىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، بۇنىڭ ۋاقتى تەخمىنەن مىلادىدىن 900 — 200 يىل ئىلگىرىكى يىللارغا توغرا كېلىدۇ. كۆلىمى خېلى زور بولغان ئىبادەتخانىلار، ئوردا-قەسىرلەر شۇنىڭدەك خېلى تەرەققىي تاپقان بىناكارلىق نەققاشچىلىقى، ساپال قاچىلار ۋە باشقا ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى بار. قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى جەھەتتە تاغلىق رايونلىرىدا تاش ئىشلىتىلگەن، دېڭىز بويىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا خىش-كېسەكلەر ئىشلىتىلگەن. ساپال قاچىلارنىڭ رەڭگى سۇس قىزىل ۋە قوڭۇر بولۇپ، شەكلى ئۈزەڭگىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان چۆگۈن، بوينى قىسقا چۆگۈن ۋە ئاغزى چوڭ قاچىلارنى ئالاھىدىلىك قىلغان. تاش ئويمىچىلىق تارقالغان. ساپال قاچىلار ۋە تاش ئويمىلارنىڭ يۈزىدىكى سۈرەتلەر مۈشۈك تىپىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان. خېلىلا نازۇك ئىشلەنگەن ئالتۇن بۇيۇملارمۇ بار. جايلاردىكى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشلىرى ھەمدە ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنىڭ شەكلى ئاساسىي جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بۇ ھال بىر خىل دىننىڭ تارقىلىشى ۋە تەسىرىنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك. ئادەتتە، چاۋىن مەدەنىيىتى مەركىزىي ئاندېس مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى، ئوخشاش بىر مەزگىلدىكى مېكسىكا ئۇلمېك مەدەنىيىتى بىلەن ئوخشاش رولغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ. 

چاۋيۇڭ جېنيىلاڭ (ئاسانا گاشىنچىرو)

  • چاۋيۇڭ جېنيىلاڭ (ئاسانا گاشىنچىرو)[يەشمىسى:]1906 — 1979) ياپونىيىلىك كۋانت مېخانىكىسى ئالىمى. 1929-يىلى كيوتو ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1932-يىلى فىزىكا-خىمىيە تەتقىقات ئورنى نىشىنايوشىئو تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئالەم نۇرى ۋە ئاتوم يادروسىنى تەتقىق قىلغان.1937-يىلى گېرمانىيىگە بېرىپ ئوقۇپ، 1939-يىلى دۆلىتىگە قايتقان. 1941-يىلى توكيو ئەدەبىيات-تەبىئىي پەنلەر داشۆسى (يەنى كېيىنكى توكيو مائارىپ داشۆسى) نىڭ پروفېسسورى بولغان. 1943-يىلى پەۋقۇلئاددە كۆپ ۋاقىت نەزەرىيىسىنى ئېلان قىلغان.1948-يىلى يازغان «ماگنىتلىق كونترول نەيچىسىنىڭ تەۋرىنىش قۇرۇلمىسى بىلەن ستېرېئولۇق قايتما يول ئۈستىدىكى تەتقىقات» دېگەن ئىلمىي ماقالىسى ئالىملار يۇرتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1951-يىلى ياپونىيە ئىلمىي كېڭىشى ئاتوم يادروسى ئالاقە باغلاش كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، چېڭئەن ئالەم نۇرىنى كۆزىتىش ۋە ئۆلچەش ئورنىنى تەسىس قىلغان ھەمدە ئۇرۇشتىن كېيىن بىر مەھەل بۇزۇۋېتىلگەن تېزلەتكۈچنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1952-يىلى توكيو داشۆسىدە ئاتوم يادروسى تەتقىقات ئورنىنى قۇرغان. شۇ يىلى مەدەنىيەت ئوردېنىغا ئېرىشكەن. 1956 — 1962-يىللاردا توكيو مائارىپ داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1963 — 1969-يىللاردا ئىككى قېتىم ياپونىيە ئىلمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. 1965-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «كۋانت مېخانىكىسى» دېگەن ئەسىرى بار. 

چايكوۋىسكى

  • چايكوۋىسكى[يەشمىسى:]Пётр Ильич Чайковский، 1840 — 1893) روسىيە كومپوزىتورى. ئىنژېنېر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1859-يىلى قانۇن مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، ئەدلىيە مىنىستىرلىكىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1865-يىلى پېتربۇرگ مۇزىكا شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، موسكۋا مۇزىكا شۆيۈەنىگە بېرىپ ئوقۇتقۇچى بولغان. 1877-يىلىدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئايرىلىپ، مەخسۇس ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. رېژىسسورلۇق سالاھىيەت بىلەن گېرمانىيە، چېخوسلوۋاكىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق مەملىكەتلەرگە بېرىپ ئويۇن قويغان ۋە ساياھەت قىلغان. ئۇنىڭ مۇزىكا ئەسەرلىرىدىن نەيلىك-تارىلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن ئورۇنلىنىدىغان سىمفونىيە ۋە تېمىلىق مۇزىكا «مانفرېد»، فانتازىيە مۇزىكىسى «رومېئو-جۇلىيې»، «گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر»، «فرانچىسكا، دا. رىمىنى»، «1812-يىل مۇقەددىمىسى»، «ئىتالىيە ئىستىكى» قاتارلىقلار بار. «ئالتىنچى سىمفونىيە» («ھەسرەت») ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاپتورنىڭ ئاخىرقى يىللاردىكى زىددىيەتلىك ۋە غەمكىن ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ يەنە «D ماژورلۇق ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن ئىسكىرىپكىدا ئورۇنلانغان مۇزىكا»، «d مىنورلۇق ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن پىئانىنودا ئورۇنلىنىدىغان مۇزىكا» سى بار. ئون ئوپېراسى ئىچىدە «يېۋگىنى ئونىگىن» ۋە «قاغىنىڭ ماتكىسى» ھەممىدىن داڭلىق. ئۈچ بالېت «ئاققۇ كۆلى»، «ئۇخلاپ قالغان ساھىبجامال» ۋە «ياڭاق چاققۇچ» مۇزىكىنىڭ ئۇسسۇللۇق تىياتىرىدىكى رولىنى ئۆستۈرۈپ، رۇسلار بالېتىنى يېڭى باسقۇچقا يەتكۈزگەن ھەمدە چەت ئەللەردە ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتى دۇنيا بويىچە شۆھرەتكە ئىگە. 

چايۇپى

  • چايۇپى[يەشمىسى:]Andon Gajupi، 1866 — 1930) ئالبانىيە شائىرى، مىللىي گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق ۋاقتىدا دادىسىغا ئەگىشىپ سەرسان بولۇپ مىسىرغا بارغان، كېيىن شۋېتسارىيىدە قانۇن ئوقۇغان. ئەسەرلىرىدىن «دادام — توموررى تېغى»، «ئالبانلار»، «ئىيۇل» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى بىلەن «ۋەتەن قەھرىمانى» (ئىسكەندەر بېي كۈيلىنىدىغان) قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى بار. ئۇ يەنە لافونتاينىنىڭ (Jeande La Fontaine، 1621 — 1695) مەسەللىرى بىلەن ھىندى شېئىرلىرى توپلىمى: «ھىندى تىلىدىن توپلام» نى تەرجىمە قىلغان.

چاي ئىچىش ئۇسۇلى

  • چاي ئىچىش ئۇسۇلى[يەشمىسى:] ياپونىيە مۇروماچى مەزگىللىرى شەكىللەنگەن بىر خىل چاي ئىچىش ئۇسۇلى. جۇڭگونىڭ چاي ئىچىش ئادىتى تاڭ دەۋرىدىلا ياپونىيىگە كىرگەن. مىلادى 729-يىلى (ياپونىيىنىڭ تيەنپىڭنىڭ تۇنجى يىلى، تاڭ سۇلالىسى كەييۇەن 17-يىلى) راھىبلارنىڭ ئوردا ئىچىگە كىرىپ چاي تۇتۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا سۆزلىگەنلىرى خاتىرىلەنگەن. چاينى ئۆرلىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. كاماكۇرا مەزگىلىدە، سوساي سۇڭ سۇلالىسىدىن چاي دەملەشنى ياپونىيىگە كىرگۈزگەندىلا، چاينى ئۇۋۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىشلەتكەن. جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر مەزگىلىدە چايخانا بارلىققا كەلگەن. مۇروماچى مەزگىلىدە، مۇراتا تامائاكىرا (1423 — 1502) چاي دەملەش بىلەن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ چاي ئىچىش ئۇسۇلىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلغان. تاكېنو ئاكىئو (1502 — 1555) ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، كيوتودا چايخانا تەسىس قىلغان. چىتو شىخىدې زامانىسىغا كەلگەندە كامالەتكە يەتكۈزگەن. تويوتومى خىدېكىچىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىر مەزگىل تازا ئەۋج ئالغان. چىتو شىخىدېدىن كېيىن بياۋچيەنجيا، گوچيەنجيا، شياۋلۇچيەنچيادىن ئىبارەت ئۈچ ئېقىمغا ئايرىلىپ كەتكەن. يەنە يابۇئۇچى (1536 — 1627)، كۇداكازۇ (1647 — 1707) قاتارلىقلارمۇ داڭلىق ھېسابلانغان. چاي ئىچىش ئۇسۇلى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن بولۇپ، تەربىيىلىنىشتىكى بىر خىل ئەدەب-قائىدە بولۇپ قالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەربتىكى ئەللەرگە تارقىلىپ، شەرق مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى دەپ قارالماقتا. 

چەتكە قېقىش تەرەپدارلىرى

  • چەتكە قېقىش تەرەپدارلىرى[يەشمىسى:] ئاۋسترالىيە مۇستەملىكىلىرىدىكى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھەرىكىتىدىكى ئازاد قىلىش تەرەپدارلىرىنىڭ ئۆكتىچىلىرى. ئۇلار جامېس ماكارتۇر باشچىلىقىدا، سۈرگۈن قىلىنغانلارنى ئىجتىمائىي، سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىرتىغا قېقىپ چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلغان. ھاكىمىيەتكە قاتنىشىشنى كېڭەيتىشكە قارشى تۇرغان، ئىسىملىك كۆرسىتىش تۈزۈمىدىكى قانۇن چىقىرىش يىغىنىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. 1840-يىلىدىن كېيىن، ئىقتىسادىي مەنپەئەت بىرلىكى ئاساسىدا، ئازاد قىلىش تەرەپدارلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن.

چەتكە نېفىت چىقىرىدىغان ئەرەب دۆلەتلىرى تەشكىلاتى

  • چەتكە نېفىت چىقىرىدىغان ئەرەب دۆلەتلىرى تەشكىلاتى[يەشمىسى:] نېفىت ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئەرەب دۆلەتلىرى قۇرغان تەشكىلات. ئۇ خەلقئارا نېفىت مونوپول كاپىتالىنىڭ كونتروللۇقىغا ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىسىگە قارشى تۇرۇپ، مىللىي مەنپەئەتنى قوغدىغان. 1968-يىل 1-ئاينىڭ 9-كۈنى كۇۋەيت، لىۋىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. كېيىن ئالجىرىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن، مىسىر، ئىراق، قاتار، تونىس قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى: ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نېفىت سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا نېفىت سانائىتى جەھەتتە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىش. ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئورتاق نېفىت تۇرۇبىسى ئورنىتىلغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەرەب نېفىت دېڭىز نەقلىيات شىركىتى، ئەرەب كېمىسازلىق ۋە رېمونت شىركىتى، ئەرەب نېفىت مەبلەغ سېلىش شىركىتى، ئەرەب نېفىت مۇلازىمەت شىركىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار قۇرۇلغان. 1973-يىلى ئۆكتەبردىكى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا، ئەزا دۆلەتلەر نېفىت مەھسۇلاتىنى كېمەيتىش، مال چىقىرىش ۋە مال كىرگۈزۈشنى مەنئى قىلىش، باھانى ئۆستۈرۈش، دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا زەربە بەرگەن. مىنىستىرلار مۇدىرىيىتى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇپ، ھەر يىلى ئىككى قېتىم يىغىن چاقىرىدۇ. باش ئورگىنى كۇۋەيتنىڭ پايتەختى كۇۋەيت شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان.

چەكلەش سىياسىتى

  • چەكلەش سىياسىتى[يەشمىسى:] ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يولغا قويغان بىر خىل دىپلوماتىيە سىياسىتى. 1947-يىلى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك ئەمەلدارى كېننان (George Frost Kennan، 1904 —) ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا «قارشىلاشقۇچى كۈچنى جانلىق ۋە ھوشيارلىق بىلەن قوللىنىش ئارقىلىق چەكلەش» لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلغان، ئۇنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ھەربىي جەھەتتىن مۇھاسىرىگە ئېلىش، ئىقتىسادىي جەھەتتە قامال قىلىش، سىياسىي جەھەتتە ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش ۋە قىسمەن جايلارغا قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزۈش ۋە ئۇدا سىياسىي سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلىش ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە تەسىرىنى چەكلەپ، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ۋە باشقا رايونلارغا بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ سىياسەت تروممىن، ئېيزىنخائۇئىر زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدىكى ئامېرىكا دەپلوماتىيە فاڭجېنىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.

چېركاۋنى فىلىپپىنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى

  • چېركاۋنى فىلىپپىنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى[يەشمىسى:] ئادەتكە ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅪⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا فىلىپپىن چېركاۋى قوزغىغان ئىسپانىيە چېركاۋىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى. 1869-يىلى فىلىپپىنلىق پوپ بۇرگوس (J. Burgos)، گومېس (M. Gomez) ۋە زامورا (J.Zamura) لارنىڭ رەھبەرلىكىدە فىلىپپىنلىق دىنداشلار ۋە ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلىرى مانىلاغا يىغىلىپ، ئىسپانىيە ئېپىسكوپلار ئۆمىكىنىڭ زالىملىقلىرىنى ۋە فىلىپپىن خەلقىغە سالغان ياۋۇز زۇلمىنى پاش قىلغان، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ دىنىي رايون مەسىلىسىدىكى مىللىي زۇلۇمى ۋە ئىرقىي كەمسىتىشىگە قارشى تۇرغان، ئىسپانىيە مىسسىئونېرلىرى ئىگىلىۋالغان دىنىي رايوننى فىلىپپىنلىق پوپلار ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ھەرىكەت ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ باستۇرۇشى بىلەن مەغلۇپ بولغان. 1872-يىلى بۇرگوس، گومېس، زامورا قاتارلىق ئۈچ پوپنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ھەرىكەت ئاخىرلاشقان. چېركاۋنى فىلىپپىنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى فىلىپپىندا مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، كېيىنكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئۈچۈن جامائەت پىكرى تەييارلىغان.

چوپان ئېيى قوزغىلىڭى

  • چوپان ئېيى قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] فرانسىيە پارىژ خەلقىنىڭ تومۇز ئايچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى بولۇپ، 1795-يىلى چوپان ئېيىدا يۈز بەرگەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. مايسا ئېيىدىكى قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پارىژدا ئاچلىق ۋە تېررورلۇق كۈچەيگەن، پارىژ خەلقى چوپان ئېيىنىڭ 1-كۈنى (5-ئاينىڭ 20-كۈنى) قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مەۋجۇت ھۆكۈمەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى جاكارلاپ، 1793-يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى، ۋەتەنپەرۋەرلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، مىللىي ئۇيۇشمىنى بىر مەھەل كونترول قىلغان، لېكىن كەچ كىرگەندە مىللىي ئۇيۇشما يۆتكەپ كەلگەن قوشۇن تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن. ئەتىسى سېن-ئانتون شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى ئىشچىلار يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شەھەر مەمۇرىيىتى مەھكىمىسىنى ئىشغال قىلغان، لېكىن رەھبەرلىك كەمچىل بولغانلىقتىن، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرالمىغان. چوپان ئېيىنىڭ 4-كۈنى كەچتە قوزغىلاڭچىلار قورالسىزلاندۇرۇلغان. تاغلىقلارنىڭ 14 نەپەر ۋەكىلى ۋە نۇرغۇن قوزغىلاڭچىلار قولغا ئېلىنغان ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. پارىژ خەلقىنىڭ كۈچى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان.

چوشۇ (ناگاسۇ) ۋاسساللىقى

  • چوشۇ (ناگاسۇ) ۋاسساللىقى[يەشمىسى:] خاگى ۋاسساللىقى، مورى ۋاسساللىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياپونىيىنىڭ يېغىلىق دەۋرىدىن كېيىنكى ئاساسلىق ۋاسساللىقلارنىڭ بىرى. ۋاسسال مورى جەمەتىدىن. ئېدو دەۋرىدە شۇخۇ، ناگاتو قاتارلىق ئىككى بەگلىكنىڭ يېرىنى باشقۇرغان (بۈگۈنكى ياماگوچى ناھىيىسىدە). 12-ئەۋلاد ۋاسسال مورى ئاكىچىن ۋاسساللىق سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەتنى باي، ئەسكەرلەرنى كۈچلۈك قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن ھەمدە تىننونى ھۈرمەت قىلىپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش ھەرىكىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە شۇگناتقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالغان. مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى جەريانىدا زور رول ئوينىغانلىقتىن، چوشۇ (ناگاسۇ) ۋاسساللىقىدىن چىققان شوگناتقا قارشى تۇرغۇچى كۆپلىگەن باشلامچىلار يېڭىلىققا كۆچكەن ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي، سىياسىي قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، سامو ۋاسساللىقى زومىگەرلىرى بىلەن تەڭ تۇرغان. چوشۇ (ناگاسۇ) ۋاسساللىقى زومىگەرلىرى شەكىللەنگەن. 1871-يىلى 6-ئايدا (قەمەرىيە) ياماگوچى ۋاسساللىقى بىلەن توكۇياما ۋاسساللىقى بىرلەشكەن. 7-ئايدا ۋاسساللىقلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ناھىيە تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ياماگوچى، تويوئۇرا، ئىۋاكۇنى، شىموسۇئى قاتارلىق تۆت ناھىيە قۇرۇلغان. 11-ئايدا تۆت ناھىيە بىرلەشتۈرۈلۈپ ياماگوچى ناھىيىسى بولغان.

چوكانو

  • چوكانو[يەشمىسى:] (Jose Santos chocano، 1875 — 1934) پېرۇ شائىرى. لاتىن ئامېرىكىسى مودېرنىزم ئەدەبىيات ئىلمىي ئېقىمىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ بىرى. لىمادا ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياشلىقىدا مۇنتىزىم ئۆگىنىشتىن ۋاز كېچىپ، ئەدەبىيات ۋە سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. 20 ياش ۋاقتىدا ئىسپانىيىگە بارغان. كېيىن كۇبا، مېكسىكا ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىنى ئايلىنىپ چىققان. مېكسىكىنىڭ بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، 1915-يىلى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، گۋاتېمالادا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. پېرۇغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋەقە پەيدا قىلغانلىقتىن، يەنە چىلىغا بېرىپ پاناھلانغان. كېيىن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن. ئەسەرلىرى مۇنازىرە، مۇبالىغە ۋە مۇزىكا رىتىملىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئاساسلىق شېئىرلار توپلىمىدىن «ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جېنى»، «يورۇقلۇق بولۇشى كېرەك»، «جەنۇبىي ھىندىستاننىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئالتۇن مېۋىلىرى» قاتارلىقلار بار.

چوگازامبىل

  • چوگازامبىل[يەشمىسى:] (Choga Zambil) قەدىمكى ئېلام دۆلىتىدىكى ئىمارەتلەر توپى. ئىراننىڭ سۇسا رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە 40 كىلومېتر كېلىدۇ. قەدىمكى دەۋردە دۇر ئۇنتاسىي(Dur Untashi) دەپ ئاتالغان. ئىمارەتلەر توپى ئوخشاش بىر مەركەزلىك لاي ۋە خىشتىن قوپۇرۇلغان ئۈچ قاشادىن تەركىب تاپقان. بىرىنچى قاشانىڭ ئىچىدە چوڭ بىر كۆلچەك، ئۈچ ساراي، يەر ئاستى مەقبەرىدىن بەش ۋە ئوت ئىلاھى نۇسكوغا چوقۇنۇش ئۈچۈن ياسالغان بىر بۇتخانا بار. ئىككىنچى قاشانىڭ ئىچىدە يەتتە بۇتخانا بار. ئۈچىنچى قاشانىڭ ئىچىدە ئۈچ بۇتخانا بار. پۈتكۈل ئىمارەتلەر توپىنىڭ مەركىزىدە 25 مېتر ئېگىزلىكتىكى بۇتخانا مۇنارىسى (بۇرۇنقى ئېگىزلىكى ھازىرقىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ) بار. لاي-خىش قۇرۇلمىنىڭ سىرتى رەڭدار سىرلىق خىش بىلەن قاپلانغان، خىشلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ئېلام تىلىنىڭ مىخ يېزىقىدا خەتلەر ئويۇلغان. ئىمارەتلەر توپى قەدىمكى ئېلام دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ئۇنتاس-گال (Gal-Untash، مىلادىدىن 1265 — 1245 ئىلگىرى تەختتە) تەرىپىدىن ياسالغان، ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەن چاغدا بۇ قۇرۇلۇش تېخى پۈتمىگەن. 600 يىلدىن كېيىن، ئاسسۇرىيىلىكلەر تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ئاندىن پۈتتۈرۈلگەن. بۇ ئىمارەتلەر توپىدا پەقەت كاھىنلار تۇرغان.

چوڭ پايتەخت خاندانلىقى

  • چوڭ پايتەخت خاندانلىقى[يەشمىسى:] يەنى «ئايۇتىيە خاندانلىقى».

چوڭ توقماق سىياسىتى

  • چوڭ توقماق سىياسىتى[يەشمىسى:] يوغان توقماق سىياسىتىمۇ دېيىلىدۇ. جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ قورال كۈچى بىلەن تەھدىت سېلىش ۋە ئۇرۇش پوپوزىسى قىلىش سىياسىتى. ئەسلى ئامېرىكىنىڭ 26-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى تېئودور روزۋېلت 1916-يىلى 5-ئايدىكى بىر قېتىملىق نۇتقىدا ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ چاغدا ئۇ ئافرىقىنىڭ بىر تەمسىلىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆزى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلى (1901 — 1909) دىكى تاشقى سىياسەتنى چۈشەندۈرۈپ: «تىلى يۇمشاق بولۇش، قولدا توقماق بولۇش كېرەك» دېگەنىدى. كېيىن ئۇ تەرەققىي قىلىپ ئاتالمىش «توقماق-سەۋزە سىياسىتى» بولۇپ قالغانىدى.

چوڭ-چوڭ سىياسەتلەر بويىچە مەسلىھەت بېرىش كېڭىشى

  • چوڭ-چوڭ سىياسەتلەر بويىچە مەسلىھەت بېرىش كېڭىشى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياپونىيىنىڭ كونوئې فومىمارا ئىچكى كابىنېتى «يېڭى تۈزۈلمە ھەرىكىتى» نى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قۇرغان فاشىستىك سىياسىي تەشكىلات. بۇ تەشكىلات 1940-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان. باش ۋەزىر لېدىرلىقنى، ئۆلكە، ۋىلايەت، ناھىيە باشلىقلىرى ياچېيكا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ھەمدە مەركەز ۋە جايلاردا ئىتالىيىنىڭ فاشىستىك كەسەبە ۋەكىللەر كېڭىشىنى دوراپ، «چوڭ-سىياسىي مەسلىھەت بېرىش كېلىشىمى جەمئىيىتى» قۇرغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى لېدىر ۋە ياچېيكا باشلىقلىرى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي روھىنى ئومۇمىي سەپەرۋەر قىلىپ، مىلىتارىزملىق تۈزۈلمىنى كۈچەيتىشكە پائال ھەمكارلاشقان. 1945-يىل 6-ئايدا تارقىتىۋېتىلگەن.

چوڭ خوجام

  • چوڭ خوجام[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسىدە تەختكە ۋارىسلىق قىلغان شىرەم تۇغقان پادىشاھنىڭ ئاتىسىغا بېرىلگەن ھۈرمەت نامى. ئۆلگەندىن كېيىن چوڭ خوجام دەپ ئاتالغان،كېيىن ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى نامىغا ئايلانغان. لېكىن پۈتكۈل لى سۇلالىسىدە پەقەت گاۋزۇڭنىڭ ئاتىسى لى سىيىڭغىلا ھايات ۋاقتىدا چوڭ خوجام دېگەن نام بېرىلگەن.

چوڭ سىياگۇن (دائىميو)

  • چوڭ سىياگۇن (دائىميو)[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ فېئوداللىق دەۋرىدىكى چوڭ خوجىدار. خىراياسۇ دەۋرىدىن بۇيان كۆپلىگەن مۇنبەت يەر ئىگىلىۋالغان چوڭ خوجىدار نامىدىن كەلگەن. ئىگىلىۋالغان مۇنبەت يەرلەرنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بويىچە چوڭ سىياگۇن، كىچىك سىياگۇن دەپ ئايرىلىدۇ. سەركەردىلەر كاماكۇرا دەۋرىدىن باشلاپ يەنە كۈچلۈك ساموراي بولۇپ، يەرلىك ھوقۇققا ئىگە بولغانلىقتىن باقاۋۇل سىياگۇن دەپ ئاتالغانىدى. يېغىلىق دەۋرىدە، يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتمەن ئائىلىلەر مۇلازىملار ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئۆز ئالدىغا زېمىن بۆلۈۋېلىپ، بىر تەرەپتە زومىگەرلىك قىلغان. بۇلار يېغىلىق سانغۇنلىرى دەپ ئاتالغان. ئېدو دەۋرىدە شوگنات-ۋاسسال تۈزۈلمىسى ئورنىتىلغان. جايلاردىكى بەگلىكلەردە ۋاسساللار تەسىس قىلىنغان. ۋاسسال بەگلەر سىياگۇن دەپ ئاتالغان. ئۇلار يىلىغا 10 مىڭ تاغاردىن ئارتۇق سېلىق يىغىلىدىغان سۇيۇرغالغا ئىگە بولۇپ، سىياگۇنلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەھكىمە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇق بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراپ ئۈچ خىلغا ئايرىلاتتى: سىياگۇن توكوگاۋانىڭ تۇغقانلىرى ۋاسسالپەرەس سىياگۇن دەپ ئاتالغان؛ گۇەنيۇەن ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى توكو گاۋاغا تەۋە ۋاسساللار شەجىرە سەركەردە دەپ ئاتالغان. گۇەنيۈەن ئۇرۇشىدىن كېيىن توكوگاۋاغا بېقىنغان ۋاسساللار تاشقىرى سىياگۇن دەپ ئاتالغان. شوگنات بۇلارنىڭ مەھكىمىسىنى باشقۇراتتى. ئۇلار ھەربىي خىزمەت ئۆتەش، ئورنىنى ئالماشتۇرۇش، قۇرۇلۇش خىراجەتلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش دەۋرىدە ۋاسسال ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ناھىيە تەسىس قىلىنغان. سىياگۇنلارنىڭ ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان. سەركەردىلەرنىڭ ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان بولسىمۇ، يەنىلا دۆلەتمەن ئائىلىگە ئايرىلىپ مائاش بېرىلگەن.

چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قامال قىلىش سىستېمىسى

  • چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قامال قىلىش سىستېمىسى[يەشمىسى:] ناپولېئونⅠ 1806 — 1812-يىللاردا يولغا قويغان ئەنگلىيىگە قارشى ئىقتىسادىي قامال قىلىش سىياسىتى سىستېمىسى. ناپولېئون ئەنگلىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغاندىن كېيىن، كۈچلۈك دۈشمەن ئەنگلىيىنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتە قامال قىلىشنى قوللانغان. 1806-يىل 11-ئاينىڭ 21-كۈنى، بېرلىن پەرمانى ئېلان قىلىپ، برىتانىيە ئاراللىرىغا قارىتا ئىقتىسادىي قامال قىلىشنى بەلگىلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ۋارشاۋا پەرمانى بىلەن قونتانېبلو پەرمانىنى ئېلان قىلغان. بېرلىن پەرمانى ئېلان قىلىنغان چاغدا، ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنغان يۈرگۈزۈش دائىرىسى فرانسىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، شۋېتسارىيە ۋە رېين ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە ھەربىي تەسىرىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىش سىياسىتى پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە ۋە روسىيىگە مەجبۇرىي تېڭىلىپ، پۈتكۈل ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالغان. قامال قىلىش سىياسىتى گەرچە ئەنگلىيىگە ئېغىر قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تەھدىت سالغۇچىلىكى يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەنگلىيىمۇ زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ بىر يۈرۈش بۇيرۇقلىرىنى ئېلان قىلىپ، فرانسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقچى دۆلەتلىرىگە قارشى قامال يۈرگۈزگەن. نەتىجىدە، بۇ سىياسەت فرانسىيىگە ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ زور قىيىنچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان: ئىگىلىكى كاساتلىشىپ كەتكەن، ئېكسپورت ئىشى توختاپ قالغان؛ زاۋۇتلار تاقىلىپ قالغان؛ ئەتكەسچىلىك ئەۋج ئالغان. ناپولېئوننىڭ ھەربىي ئۈستۈنلۈكتىن مەھرۇم بولۇشىغا ئەگىشىپ، قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىش سىستېمىسىمۇ بەربات بولغان.

چوڭ قۇرۇقلۇق سىياسىتى

  • چوڭ قۇرۇقلۇق سىياسىتى[يەشمىسى:] (1)ⅪⅩ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن 80-يىللىرىغىچە بولغان مەزگىلدە گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋەزىرى بىسمارك يۈرگۈزگەن تاشقى سىياسەت. ئۇ ئىتتىپاق تۈزۈش فاڭجېنى ئارقىلىق روسىيىنى ئۆزىگە تارتىش يولى بىلەن، فرانسىيە بىلەن روسىيىنىڭ يېقىنلىشىشىدىن ساقلىنىپ، فرانسىيىنى يېتىم قالدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشكە ئۇرۇنغان؛ ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن بىرلىشىپ، روسىيىنىڭ شەرقىي ياۋروپا ۋە بالقاندىكى كېڭەيمىچىلىكىنى توسۇشقا، شۇنىڭ بىلەن بىللە گېرمانىيىنىڭ ياۋروپاغا خوجا بولۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنە ئەنگلىيە بىلەن روسىيىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قارشىلىقىنى قوزغاپ، ئەنگلىيىنىڭ ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىنى توسماقچى بولغان. 80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا، گېرمانىيە جاھانگىرلىكىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، گېرمانىيە بىلەن روسىيە، ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ، چوڭ قۇرۇقلۇق سىياسىتى بەربات بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى گېرمانىيە مىلىتارىزمىنىڭ دۇنياۋى سىياسىتى باسقان.(2) ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا يولغا قويغان تاجاۋۇزچىلىق-كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى. مېيجى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ياپون مىلىتارىستلىرى چاۋشيەننى يۇتۇۋېلىش، جۇڭگونى بېسىۋېلىش، ئاسىياغا خوجا بولۇش كۆزلەنگەن چوڭ قۇرۇقلۇق سىياسىتىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاساسىي سىياسىتى قىلدى ۋە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى (1894 — 1895) ۋە ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى (1904 — 1905) نى قوزغاپ، جۇڭگونىڭ زېمىنى تەيۋەننى بېسىۋالدى ھەمدە چاۋشيەننى يۇتۇۋالدى.1931-يىلى بىۋاسىتە ئەسكەر چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى بېسىۋالدى. 1937-يىلى جۇڭگوغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش قوزغىدى ھەمدە شىمالغا يۈرۈش قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىپ سىبىرىيىنى ئېلىشقا ئۇرۇندى. 1945-يىلى ياپون فاشىستلىرى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن چوڭ قۇرۇقلۇق سىياسىتى ئۈزۈل-كېسىل بەربات بولدى.

چوڭ قۇرۇقلۇق كېڭىشى

  • چوڭ قۇرۇقلۇق كېڭىشى[يەشمىسى:] ئەنگلىيىگە قاراشلىق شىمالىي ئامېرىكىدىكى 13 مۇستەملىكە ۋەكىللىرى كېڭىشى، مۇستەقىللىك ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئىنقىلابىي رەھبەرلىك ئورگان. 1774-يىلى شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكە خەلقلىرى ئالاقىلىشىش كومىتېتىنىڭ ئىلھامى ئاستىدا «زورلۇق پەرمانى» غا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرغان. ئالاقىنى كۈچەيتىش ۋە ئۆزئارا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، 1774-يىل 9-ئاينىڭ 5-كۈنى فىلادىلفىيىدە 1-نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق كېڭىشى چاقىرىلىپ، ئەنگلىيىگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى ۋە قەدەم باسقۇچلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان؛ ئەنگلىيە بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللانغان. «ھوقۇق خىتابنامىسى» قاتارلىقلارنى تۈزگەن. لېكىن مۇستەقىللىك تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.1775-يىل 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، لېكسىنگتوندا (Lexngton) ئەنگلىيىگە قارشى قوراللىق كۈرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، فىلادېلفىيە شەھىرىدە 2-نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق كېڭىشى چاقىرىلىپ، ئەنگلىيىگە قورال كۈچى بىلەن قارشى تۇرۇش خىتابنامىسى ماقۇللانغان؛ مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرۇلۇپ، ۋاشىنگتون چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. چوڭ قۇرۇقلۇق كېڭىشى شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ تەشكىلىي شەكلىگە ئايلانغان.1776-يىل 7-ئاينىڭ 4-كۈنى «مۇستەقىللىك خىتابنامىسى» ماقۇللىنىپ، ئەنگلىيىدىن ئايرىلىپ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. 1781-يىلى «قوشما شتات نىزامى» تۈزۈلگەندىن كېيىن، چوڭ قۇرۇقلۇق كېڭىشىنىڭ ئورنىنى قوشما شتاتلار ھۆكۈمىتى ئالغان.

چوڭ كۆل رايونىدىكى دۆلەتلەر ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى

  • چوڭ كۆل رايونىدىكى دۆلەتلەر ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى[يەشمىسى:] ئافرىقىنىڭ چوڭ كۆل رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى. ئەزا دۆلەتلەر تانگانىكا كۆلى ۋە كىۋۇ كۆلى رايونىدىكى بۇرۇندى، رۋاندا ۋە زايىردىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت.1976-يىلى 9-ئايدا ئۈچ دۆلەت زۇڭتۇڭلىرى دوستلۇق -ھەمكارلىق شەرتنامىسى ۋە چوڭ كۆل رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغاندىن كېيىن قۇرۇلغان. ئۇنىڭ مەقسىتى: ئۈچ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش؛ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ۋە سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىساد،ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. باشلىقلار يىغىنى ئورتاق گەۋدىنىڭ ئالىي ئورگىنىدۇر. 1982-يىلغىچە بەش قېتىم يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن.

چوڭ موراۋىيە كىنەزلىكى

  • چوڭ موراۋىيە كىنەزلىكى[يەشمىسى:] مىلادىⅩⅨ ئەسىرلەردە غەربىي سىلاۋيانلار قۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى فېئودال دۆلەت. موراۋىيە (Moravia) مەركىزىي رايون قىلىنغان موجىمىرⅠ (MojimirⅠ) تەختتە ئولتۇرغان چاغدا (تەخمىنەن 830 — 846) نىترا (Nitra) كىنەزلىكىنى قوشۇۋالغان. روستىلاۋ (Rostilav) تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (846 — 870) ۋىزانتىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، گېرمانىيە كورۇلى لۇئى گېرماننىڭ تاجاۋۇز قىلىشىغا قارشى تۇرغان. مىلادى 863-يىلى ۋىزانتىيىنىڭ دىن تارقاتقۇچىلىرىدىن سرىل ۋە مېتودىئوس (Methodius) لارنى موراۋىيىگە پراۋوسلاۋىيە دىنىنى تارقىتىشقا تەكلىپ قىلىپ، گېرمانىيە چېركاۋىدىن مۇستەقىل بولغان. سلاۋىيە چېركاۋىنى قۇرغان. سۋىياتوبورك تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (870 — 894)، ئۇنىڭ يەر-زېمىنى ئەڭ كەڭ بولۇپ، موراۋىيە، چېخ (بوخىمىيە)، سلوۋاكىيە، پولشانىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئاۋسترىيە ۋە ۋېنگرىيىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، 80 -يىللاردىن باشلاپ ئاجىزلىشىپ كەتكەن. 895-يىلى چېخىيە ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتكەن. ۋېنگرلار 906-يىلى چوڭ موراۋىيە بەگلىكىنى يوقاتقان.

چوڭ ئوغۇل ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى

  • چوڭ ئوغۇل ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى[يەشمىسى:] مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشتىكى بىر خىل تۈزۈم. ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادا ئەۋج ئالغان. مەزمۇنى: مۇقىم مۈلۈكلەرنىڭ (ئاساسلىقى يەر) ھەممىسىگە چوڭ ئوغۇل ۋارىسلىق قىلىش، باشقا بالىلارغا تەقسىم قىلماسلىق. ئەگەر چوڭ ئوغلى مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتسە، چوڭ نەۋرىسى ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئاقسۆڭەك يەر ئىگىلىرىنىڭ يەرلىرىنىڭ بۆلۈنۈپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. يېقىنقى زامانغىچە بەزى دۆلەتلەردە مۇشۇ خىلدىكى تۈزۈمنىڭ قالدۇقى ساقلانغان.

چون بونجۇن

  • چون بونجۇن[يەشمىسى:]1854 — 1895) چاۋشيەن جياۋۇ دېھقانلار ئۇرۇشى داھىيسى. كىچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. چوللادو ۋىلايىتى كوبۇ ناھىيىسىدىن. دادىسى يېزا ئوقۇتقۇچىسى. ياش ۋاقتىدا دېھقانلار كۈرىشىگە قاتناشقان. 1874-يىلى شەرق مەسلىكى مەزھىپىگە قاتناشقان. 1894-يىلى 2-ئايدا دېھقانلار قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئۇزاققا قالماي بەيشەن تېغىنى ئىگىلەپ، دېھقانلار ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابىنى قۇرۇپ چىققان. شەرق مەسلىكى مەزھىپىنىڭ مۇرىتلىرى ۋە كەڭ دېھقانلار ئارقا-ئارقىدىن ئارمىيىگە قاتنىشىپ، چون بونجۇن باش گېنېراللىققا كۆرسىتىلگەن. دۆلەتكە ياردەملىشىپ، خەلقنى خاتىرجەم قىلىش، ياپون ئالۋاستىلىرىنى يوقىتىش، ھوقۇقدار ئېسىلزادىلەرنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلاش قاتارلىق كۈرەش پروگراممىلىرىنى جاكارلىغان. 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، دېھقانلار ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، كوبۇغا يىراق بولمىغان خۋاڭتۇجەن دېگەن جايدا ھۆكۈمەتنىڭ جازا يۈرۈشى قوشۇنىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان؛ ئارقىدىنلا چونجونى ئىشغال قىلغان. 6-ئايدا ھۆكۈمەت بىلەن سۈلھ قىلغان. 9-ئايدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرى لى سۇلالىسى فېئودال ھۆكۈمرانلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دېھقانلار ئارمىيىسىگە بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلغان. ئۇ يەنە بىر قېتىم قوشۇن باشلاپ چىقىپ چۈنچوندونىڭ مەركىزى گوڭجۇغا ھۇجۇم قىلغان، ئاخىرى ياپونىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن يېڭىلگەن. 12-ئايدا ئەسىرگە چۈشۈپ، ئىككىنچى يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى مەردلەرچە قۇربان بولغان.

چۇئان پارتىيىسى

  • چۇئان پارتىيىسى[يەشمىسى:] فرانسىيىنىڭ بۈيۈك ئىنقىلاب دەۋرىدە، ۋېندې، برېتاگنې، نورماند، مائىن قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى خانپەرەسلەر پارتىيىسى توپىلاڭچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بوربون سۇلالىسى تىرىلگەن مەزگىلدە، لىبېرال يازغۇچىلارمۇ خانپەرەسلەر پارتىيىسىنى چۇئان پارتىيىسى دەپ ئاتىغان. بۇ نامنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە ئىككى خىل كۆز قاراش بار: ئۇنىڭ بىرى، چۇئان پارتىيىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى كاتتىبېشى يان. كوتتېرېئاۋ (Jean Cottereau) نىڭ لەقىمى يان. چۇئان (Jean Chouan) ئىدى، دەپ قاراش؛ يەنە بىرى، Chouan بىر خىل ئورمان قۇشى بولۇپ، چۇئان پارتىيىسىدىكىلەر كېچىسى ھەرىكەت قىلغاندا شۇ قۇشنىڭ سايرىشىنى دوراپ، ئۇنى يىغىلىش سىگنالى قىلغان، دەپ قاراش. دەسلەپ 1792-يىلى يازدا شەكىللەنگەن. 1793-يىلى 6-ئايدا كوتتېرېئاۇ بىر تۈركۈم ئەتكەسچى سودىگەرلەر، ھەربىي خىزمەت ئۆتەشتىن قاچقانلار ۋە خانپەرەسلىك خاھىشى بولغان قالاق دېھقانلارنى يىغىپ، ئاشكارا توپىلاڭ كۆتۈرگەن، كېيىن يەنە ۋېندې توپىلاڭچىلار قوشۇنىغا قوشۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن چۇئان پارتىيىسىنىڭ پاراكەندىچىلىكى برېتاگنې، مائىن، نورماند، دۇلەن قاتارلىق بىر قىسىم جايلارغا يامراپ، تاكى كونسۇل ھۆكۈمىتى دەۋرىگىچە سوزۇلغان. 1803-يىلى تىنچىتىلغان. چۇئان پارتىيىسى دېگەن سۆز خانپەرەسلەر توپىلىڭىنىڭ شەرتلىك نامىغا ئايلىنىپ قالغان.

چۇ چۇەن بەيسۇن (كۇرىيا گاۋاشىراكاۋا)

  • چۇ چۇەن بەيسۇن (كۇرىيا گاۋاشىراكاۋا)[يەشمىسى:]1880 — 1923)، ياپونىيىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورچىسى. ئەسلى ئىسمى جېنفۇ. توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەنگلىيە ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇغان، دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پايتەخت ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى ئۇنۋانىنى ئالغان. ياۋروپا-ئامېرىكا ئەدەبىياتىنى سىستېمىلىق تونۇشتۇرغان ۋە ئەدەبىيات ئوبزورلىرىنى دائىم ئېلان قىلىپ تۇرغان. ئەسەرلىرى «يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىدىن 10 لېكسىيە»،«ئەدەبىيات-سەنئەت ئىدىيە ئېقىمى ھەققىدە»، «پىل چىشى مۇنارىسىدىن چىقىش»، «يېقىنقى زامان مۇھەببەت قارىشى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. گۇەندۇڭدىكى چوڭ يەر تەۋرەشتە، ليەنساڭ چىنپودا سۇغا چۆكۈپ ئۆلگەن. كېيىن 6 توملۇق «كۇرىيا گاۋاشىراكاۋا ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

چۇما كېسىلى

  • چۇما كېسىلى[يەشمىسى:] بىر خىل تارقىلۇچان لىمفا بېزى چۇماسى. ⅩⅣ ئەسىردە ياۋروپادا يامراپ كەتكەن. چاشقان بىلەن بۈرگە ئۇنى تارقاتقۇچى ۋاسىتىدۇر. بۇ كېسەلنىڭ ئالامىتى كۆپ ھاللاردا يۇقىرى قىزىتما، لىمفا بېزى ئىششىش، قان قۇسۇش، تېرىدە قارا داغلار پەيدا بولۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئومۇمەن بۇ كېسەل ئەڭ ئاۋۋال 1374-يىلى ئاسىيادىن ئىتالىيىنىڭ سىتسىلىيە ئارىلىغا تارقىلىپ كىرگەن، دەپ قارىلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە بۇ كېسەل بىرقانچە ئون يىللار ئىچىدە جەمئىي 24 مىليون ياۋروپالىقنى ھاياتىدىن ئايرىغان، بۇ ئەينى چاغدىكى ياۋروپا ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن [SX(]1[]4[SX)] قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. چۇما كېسىلى 1384-يىلى ئەنگلىيە ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ھاياتىدىن ئايرىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرى جىددىي ئازىيىپ كېتىش، ئاشلىق باھاسى ئۆرلەش، ياللانما ئىشچىلار ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سىنىپىي زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئېلىپ بارغان. 

چۇلالوڭكرن

  • چۇلالوڭكرن[يەشمىسى:] (Chulalongkorn) «راماⅤ» كە قارالسۇن.

چۇن شياڭنىڭ تەرجىمىھالى

  • چۇن شياڭنىڭ تەرجىمىھالى[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ كلاسسىك رومانى، سەھنە ئەسىرى. ئاپتورى نامەلۇم. يېزىلىپ پۈتكەن ۋاقتى تەخمىنەن لى سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدۇ. ھەر خىل نۇسخىلىرى 20 خىلدىن ئاشىدۇ. ئەسلى سەھنە ئەسىرى قىلىنىپ سەھنىدە ئوينىلىپ كەلگەن، كېيىن بارا-بارا رومان بولۇپ شەكىللەنگەن. تېمىسى جۇڭگونىڭ تىياتىرى «يۈتاڭچۈن» بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھېكايىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى مۇنداق: نەنيۇەن مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى لى خەنلىننىڭ ئوغلى لى مىڭلوڭ رەققاس يۆمېينىڭ قىزى چۈن شياڭنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. لى مىڭلوڭ دادىسىنىڭ مەرتىۋىسى ئۆسۈپ پايتەختكە كېتىدىغان بولغانلىقتىن چۈن شياڭ بىلەن ئايرىلىپ كېتىدۇ. نەنيۇەن مەھكىمىسىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەمەلدارى بيەن شۆداۋنىڭ چۈن شياڭنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش قەستى رەت قىلىنغانلىقتىن چۈن شياڭ زىندانغا تاشلىنىدۇ.بۇ چاغدا لى مىڭلوڭ يوشۇرۇن تەپتىش بېگى سالاھىيىتى بىلەن نەنيۇەنگە كېلىپ چۈن شياڭنى قۇتۇلدۇرۇپ، بيەن شۆداۋنى جازالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى ۋىسال ئارزۇسىغا يېتىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ تىلى گۈزەل بولۇپ، ۋەقەلىكى ئادەمنى ھاياجانغا سالىدۇ. ئۇنى پۈتۈن چاۋشيەن خەلقى سۆيۈپ ئوقۇيدۇ. ھازىر ئوينىلىۋاتقان سەھنە ئەسىرى شىن زەيشاۋ (1812 — 1884) تۈزگەن سەھنە ئەسىرى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى.

چۇئېزون

  • چۇئېزون[يەشمىسى:]Manuel Luis Quezony Molina، 1878 — 1944) فىلىپپىن «ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى» نىڭ زۇڭتۇڭى. مانىلادىكى سان توماس داشۆسىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. بۇرۇنلا ئامېرىكىغا قارشى قوزغىلاڭغا قاتناشقان. تاياباس (Tayabas) ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغان.1907 — 1909-يىللىرى فىلىپپىن ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ھەمدە خەلق پارتىيىسى پارلامېنتىنىڭ رەھبىرى بولغان. 1909 — 1916-يىللىرى فىلىپپىننىڭ ئامېرىكا پارلامېنتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. 1916 — 1935-يىللىرى فىلىپپىن كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1924-يىلى خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1934-يىلى ئامېرىكا فىلىپپىننىڭ «ئاپتونومىيە» سىنى ئېتىراپ قىلغان، ئىككىنچى يىلى «ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى» نىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان، 1941-يىلى يەنە زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ياپونىيە فىلىپپىننى ئىشغال قىلىۋالغان مەزگىللەردە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاۋسترىيە ۋە ئامېرىكىدا مۇساپىرلار ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن. كېيىن ئامېرىكىدا ئۆلگەن. ئۇنىڭ «كۆڭۈلدىكىدەك كۈرەش» ناملىق تەرجىمىھال كىتابى بار.

چۇئىرىنو

  • چۇئىرىنو[يەشمىسى:]Elpidio Quirino، 1890 — 1956) فىلىپپىن زۇڭتۇڭى(1948— 1953). لۇسون ئارىلىدا تۇغۇلغان. فىلىپپىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1919 — 1935-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاۋام پالاتا ئەزاسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان. 1934-يىلى مۇستەقىل ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، چۇئېزون بىلەن بىللە ئامېرىكىغا بارغان. شۇ يىلى ئاساسىي قانۇن كېڭىشىگە سايلىنىپ كىرگەن. 1935-يىلى ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە مىنىستىرى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ياپونىيە ئىشغالىيىتى مەزگىلىدە فىلىپپىندىلا تۇرغان. 1946-يىلدىكى چوڭ سايلام ۋاقتىدا روخاس بىلەن بىرلىكتە خەلق پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، لىبېراللار پارتىيىسىنى قۇرغان ھەمدە يېڭى جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1948-يىلى روخاس ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن زۇڭتۇڭ بولغان. ئىككىنچى يىلدىكى چوڭ سايلامدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1953-يىلى سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان.

چۇيبالسان

  • چۇيبالسان[يەشمىسى:]Хорлогийн Чойбалсан، 1895 — 1952) موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى (1939 — 1952). نامرات چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 16 يېشىدا كورۇلۇن (ھازىرقى ئولانباتۇر) غا كەلگەن. كېيىن ئىركوتىسكىدا ئوقۇغان. 1919-يىلى كورۇلۇندا ئىنقىلابىي گۇرۇپپا ئۇيۇشتۇرغان. 1921-يىلى سۇخە باتۇر بىلەن بىللە موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسىنى تەشكىللەپ، موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلغان، كېيىن ئۇدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، پرېزدىئۇم ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. كېيىن سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بولغان. 1921 — 1923-يىللىرى موڭغۇلىيە خەلق ئارمىيىسى مۇئاۋىن باش قوماندانى، قوشۇمچە سىياسىي كومىسسار بولغان. 1924 — 1928-يىللىرى باش قوماندان بولغان، 1928 — 1930-يىللىرى كىچىك قۇرۇلتاينىڭ رەئىسى بولغان. 1930-يىلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، 1935 — 1939-يىللىرى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى، كېيىن رەئىسى بولغان. 1936-يىلى مارشال بولغان. 1945-يىلى ئارمىيىنى باشلاپ ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان.

چۈەنجۇڭ (كاۋانكاجىما) ئارىلى ئۇرۇشى

  • چۈەنجۇڭ (كاۋانكاجىما) ئارىلى ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ياپونىيە يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى فېئودال خوجىدارلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش. جافى (ھازىرقى ياماناسى ناھىيىسى) نىڭ خوجىدارى تاكېتا بىلەن يۆخو (ھازىرقى نىگاتا ناھىيىسى) نىڭ خوجىدارى ئۇئىسۇگى كېنشىن شېننۇڭ (ھازىرقى ناگانو ناھىيىسى) دىكى چيەنچۇيچۈەن دەرياسى بىلەن شىچۈەن دەرياسى قوشۇلغان جايدىكى تۈزلەڭلىك رايوننى تالىشىش يۈزىسىدىن كاۋانكاجىما ئارىلىدا بەش قېتىم جەڭ قىلىشقانىدى. 1561-يىلدىكى جەڭنىڭ كۆلىمى ھەممىدىن چوڭ ئىدى. بۇ جەڭدە تاگېتا پىلتىلىق مىلتىق ئىشلەتكەنلىكتىن غەلىبىگە ئېرىشكەن. ئىككى تەرەپ بۇنىڭغا ئەمەلىي كۈچىنى سەرپ قىلىپ، يېغىلىق ۋەزىيىتىدە ئاستانە ئەتراپىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغان.

چۈەنكان دۆلىتى

  • چۈەنكان دۆلىتى[يەشمىسى:] لائوسنىڭ قەدىمكى دۆلىتى. ئۇ ھازىرقى چۈەنكان ئۆلكىسىگە جايلاشقان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن نەنجاڭغا قارىغان، 1710-يىلى ۋېن تيان دۆلىتىگە قارىغان. 1832-يىلى ۋيېتنام تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان.

چېپىش-يانجىش قورالى

  • چېپىش-يانجىش قورالى[يەشمىسى:] تاش قورال دەۋرىدىكى قورال-سايمان. شەكلى كۆپ. ئادەتتە ياسىلىش ئۇسۇلى ئاددىي بولۇپ، تەبىئىي قورام تاش ياكى ياپىلاق تاشنىڭ چېتىدىن قېلىنراق بىس چىقىرىلىپ، قالغان يېرى ساپ قىلىنىپ، نەرسىلەرنى چېپىش-يانجىشقا ئىشلىتىلگەن. كۆپرەك كونا تاش قوراللار دەۋرى ۋە يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە ئائىت خارابىلەردە كۆرۈلىدۇ.

چېتنىك

  • چېتنىك[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يۇگوسلاۋىيىنىڭ مونارخىست قوشۇنى. يۇگوسلاۋىيە 1941-يىلى 4-ئايدا ئوق ئەللەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن دۆلەت ئىچىدە قالغان كونا ھۆكۈمەت قوشۇنىنىڭ ئوفىتسېرى مىخايلوۋىچ «چېتنىك» (Четник، سېۋىللې تىلىدا «ئورمان ۋە تاغلارغا يۆتكىلىپ ئىشغالىيەتچىلەرگە قارشى تۇرغۇچى قوشۇن» دېگەن مەنىدە) قوشۇنىنى قۇرغان. مەزكۇر قوشۇن ئىشغالىيەتچىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان بولسىمۇ، بىراق سېۋىللىينىڭ تاغلىق رايونلىرى ۋە ئورمانلىقلىرىغا مۆكۈنۈۋېلىپ، ئەسكەرلىرىنى ئىشقا سالمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە گېرمان قوشۇنلىرى ۋە قورچاق ھاكىمىيەت بىلەن خۇپىيانە تىل بىرىكتۈرۈپ، پارتىزانلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋېلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئازادلىق ئۇرۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان. ئۇ، يۇگوسلاۋىيە سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر «قانۇنىي قوشۇنى» ئىدى. 1941-يىلى 11-ئايدا، پارتىزانلار بىلەن ئىمزالىغان ئورتاق كۈرەش قىلىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئازاد رايونغا ھۇجۇم قىلغان، كېيىن قورچاق ھۆكۈمەت قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ، گېرمانىيە-ئىتالىيە ئىشغالىيەتچى قوشۇنلىرى بىلەن ئاشكارا ھەمكارلىشىپ، پارتىزانلارغا ھۇجۇم قىلغان. 1945-يىلدىن كېيىن پارچىلىنىپ كەتكەن.

چېخ دۆلەت قانۇنى ⅩⅨ

  • چېخ دۆلەت قانۇنى ⅩⅨ[يەشمىسى:] ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى چېخ مىللىي پارتىيىسىنىڭ پروگرامما خاراكتېرلىك ھۈججىتى. ئاۋسترىيىنى مەركەز قىلىپ ئىمپېرىيە قوشما شتاتى قۇرۇشنى، چېخ خان جەمەتى خوجىلىق يېرىنىڭ تارىخىي ئەنئەنىۋى ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى، قوشما شتات دائىرىسىدە چېخ پارلامېنتى ۋە چېخ مىللىي ھۆكۈمىتى تەسىس قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ تەشەببۇس ئەمەلگە ئاشمىغان.

چېخوسلوۋاكىيە جۈنتۇەنىنىڭ توپىلىڭى

  • چېخوسلوۋاكىيە جۈنتۇەنىنىڭ توپىلىڭى[يەشمىسى:] 1918-يىلى چېخوسلوۋاكىيە جۈنتۇەنىنىڭ سوۋېت روسىيىسىدە كۆتۈرگەن قوراللىق توپىلىڭى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە روسىيە تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان سابىق ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى قوشۇنىدىكى چېخلار بىلەن سلوۋاكلار روسىيىدە ئىنقىلاب بولغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تەخمىنەن 50 مىڭ ئادىمى بار جۈنتۇەن تەشكىل قىلغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، سوۋېت روسىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن سىبىرىيە ۋە يىراق شەرق ئارقىلىق غەربىي ياۋروپاغا قايتماقچى بولغان. 1918-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئوكرائىنادىن يولغا چىققان، سەپەر ئۈستىدە ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا مۇداخىلىچىلىرى ۋە ئوڭچى سوتسىيال ئىنقىلابچىلارنىڭ قۇترىتىشى بىلەن 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈپ پېنزا (Пенза) دىن دېڭىز ياقىسى رايونىغىچە بولغان 7000 كىلومېتر تۆمۈريولنى ئىگىلىۋالغان ھەمدە سىبىرىيە، ئورال ۋە ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى كەڭ رايوننى تېزلا ئىشغال قىلىۋالغان. كېيىن قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان. قالدۇق قىسىمى كولچاكلار قوشۇنى بىلەن بىرگە يوقىتىلىپ تىرىپىرەن بولغان.

چېخ كىنەزلىكى

  • چېخ كىنەزلىكى[يەشمىسى:] مىلادى 906-يىلى بۈيۈك موراۋىيە كىنەزلىكى ھالاك بولغاندىن كېيىن، پرېمىس سۇلالىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پراگانى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان دۆلەت، شۇڭا پراگا كىنەزلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن فېئوداللىق مۇناسىۋەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان.996-يىلى بولېسلاۋ Ⅱ چېخ قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇزاققىچە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىگە بويسۇنغان، سودا-سانائىتى تەرەققىي تاپقانلىقى ئۈچۈن، چېخنىڭ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىدىكى ئورنى كۈندىن-كۈنگە مۇھىم بولغان. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا نامى چېخ پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتىلگەن.

چېخوۋ

  • چېخوۋ[يەشمىسى:]Антон Павлович Чехов، 1860 — 1904) روسىيە يازغۇچىسى. چېخوۋ تاگانروگدىكى بىر ئۇششاق سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، موسكۋا داشۆسىنىڭ مېدىتسىنا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، دوختۇر بولغان. 1880-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، پوۋېست ۋە ھېكايىچىلىق بىلەن داڭق چىقارغان، چېخوۋنىڭ «خامېلېئون» ناملىق ھېكايىسىدە فېئودال ھۆكۈمران سىنىپنىڭ سادىق غالچىسىنىڭ نادانلىقى، ئىستىبداتلىقى ۋە زامانغا قاراپ ئىش كۆرىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. «لېيتېنانت پرشىبېيېۋ» دا مۇستەبىت ھەربىي ساقچى تۈزۈمىنىڭ تىپىك سىمۋولى ياخشى يارىتىلغان؛ «ھەسرەت» ۋە «پىغان» دا ئەمگەكچى خەلقنىڭ پاجىئەلىك كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن؛ 1888-يىلى ئېلان قىلغان «بەخت» ۋە «ئوتلاق» تا دېھقانلارنىڭ ئاددىي-ساددىلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بەختكە بولغان تەشنالىقى ئىپادىلەنگەن. 1889-يىلى يازغان «مەنىسىزلىك» ۋە «دۇئېل» دا زىيالىيلارنىڭ ئازابلىق ئىزدىنىشلىرى تەسۋىرلەنگەن؛ «غىلاپ بەندىسى» (1898) دە يېڭى شەيئىلەرگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان مۇتەئەسسىپنىڭ تىپىك ئوبرازىنى ياراتقان. 1892-يىلى يېزىپ پۈتتۈرگەن «6-نومۇرلۇق پالاتا» دا پۈتكۈل چارروسىيە زۇلمەتلىك بىر تۈرمىگە ئوخشىتىلغان. «ئاياللار پادىشاھلىقى»، «ئۈچ يىل»، «داۋالاشقا چىقىش»، «موژىكلار» ۋە «سايدا» ناملىق ئەسەرلىرىدە شەھەر-يېزىلاردىكى كاپىتالىزمنىڭ ئۆسۈشى ۋە دېھقانلارنىڭ نامراتلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. چېخوۋنىڭ كومېدىيىلىك ئەسەرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى كومېدىيىلىرىدىن «گالۋاڭ»، «قۇدا چۈشۈش» قاتارلىقلار، كېيىنكى مەزگىللەردىكى «چايكا»، «ۋانە تاغا»، «ئۈچ ئېگىچە-سىڭىل» قاتارلىق كومېدىيىلىرىدە زىيالىيلار ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئىدىيىۋى ئىزدىنىشلىرى ۋە پارلاق كېلەچەككە بولغان تەلپۈنۈشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئەڭ ئاخىرقى بىر ئەسىرى «ئالۇچىزار» دا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن. چېخوۋنىڭ ئىجادىيەتلىرى روسىيە ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.

چېرچىلل

  • چېرچىلل[يەشمىسى:]Winston Leonard Spencer Churchill،1874 — 1965) ئەنگلىيە باش ۋەزىرى (1940 — 1945، 1951 — 1955). كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. ئاقسۆڭەك جەمەتىدىن. ساند ھۇرست (Sanhurst) ھەربىي ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1895 — 1900-يىللىرى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى ۋە ئەنگلىيە-بۇر ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1900-يىلدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە لىبېرالىستلار پارتىيىسى ۋە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، مۇستەملىكىلەر ۋەزىرى، سودا ۋەزىرى، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى، دېڭىز ئارمىيىسى ۋەزىرى ۋە ھەربىي تەمىنات ۋەزىرى بولغان. 1918 — 1921-يىللىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋە ھاۋا ئارمىيە ۋەزىرى بولۇپ تۇرغىنىدا سوۋېت روسىيىسىگە قارشى قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىكنى پائال پىلانلىغان. كېيىن يەنە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىلەر ۋەزىرى ۋە مالىيە ۋەزىرى بولغان. 1933-يىلى گىتلېر گېرمانىيىدە تەختكە چىققاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ گېرمانىيىنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلىپ، چېمبېرلىننىڭ ماداراچىلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. «ميۇنخېن كېلىشىمى» نى ئىمزالاشقا قارشى تۇرغان. 1939-يىلى ئەنگلىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقاندىن كېيىن يەنە دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1940-يىلى 5-ئايدا، ئۇرۇش ۋاقتى بىرلەشمە ئىچكى كابىنېت باش ۋەزىرى بولۇپ، ئەنگلىيە خەلقىنىڭ گېرمانىيە فاشىستلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1941-يىلى 6-ئايدا گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا دەرھال بايانات ئېلان قىلغان. كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى تۈزگەن. 1945-يىلى 7-ئايدىكى سايلامدا يېڭىلىپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن.1946-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئەنگلىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقلىشىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» نىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان. 1951-يىلى قايتىدىن باش ۋەزىر بولغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىتا قاتتىق قوللۇق سىياسەت قوللانغان. 1955-يىلى ئىستېپا بەرگەن. 1953-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تارىخى»، «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئەسلىمىلەر»، «ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

چېرنشېۋىسكىي

  • چېرنشېۋىسكىي[يەشمىسى:] (Николай Гаврилович Чернышевский،1828— 1889)روسىيىلىك ئىنقىلابىي دېموكرات. ماتېرىيالىستىك پەيلاسوپ. ئەدەبىي تەنقىدچى. يازغۇچى. ساراتوۋ شەھىرىدە پاستېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پېتربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات-تارىخ فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا(1845 — 1850) ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپە، ئىقتىساد ۋە تەبىئىي پەنلەرگە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇپ چىققان، گېگېل ۋە فېييېرباخ پەلسەپىسىنى ھەمدە خىيالىي سوتسىيالىزم، كلاسسىك سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئىنقىلابىي دېموكراتىزم ۋە ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراشنى تىكلىگەن. 1854-يىلدىن باشلاپ «زامانداشلار» ژۇرنىلىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. 1855-يىلى «سەنئەتنىڭ رېئاللىققا نىسبەتەن ئېستېتىك مۇناسىۋىتى توغرىسىدا» دېگەن دىسسېرتاتسىيىسىنى ئېلان قىلىپ، گۈزەللىكنىڭ ئۆزى تۇرمۇش دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنقىلابىي رېئالىستىك ئېستېتىكىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىنى بايان قىلىپ، ئىدېئالىستىك ئېستېتىكىغا كۈچلۈك زەربە بەرگەن. كېيىنكى يىلى «رۇس ئەدەبىياتىدىكى گوگول دەۋرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى» نى ئېلان قىلىپ، ⅪⅩئەسىرنىڭ 30-، 40-يىللىرىدىكى ئەدەبىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ بەرگەن، پەلسەپە جەھەتتە بېرىكلېي، داۋىت خۇم، كانت ۋە گېگېل قاتارلىقلارنىڭ ئىدېئالىستىك كۆز قاراشلىرىنى تەنقىد قىلىپ، ماتېرىيالىستىك روھ ئارقىلىق گېگېل دىئالېكتىكىسىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان. دۇنيادىكى ماددىلارنىڭ بىردەكلىكلىكىنى ۋە بىلىشنىڭ مەنبەسى ئوبيېكتىپ دۇنيا ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىپ، ئەمەلىيەتنى بارلىق نەزەرىيىلەرنىڭ سىناق تېشى دەپ ئاتىغان. ئۇ 60-يىللاردىكى ئىنقىلابىي دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى. دېھقانلار ئىنقىلابىي ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ «دېھقانلار ئازادلىقى» نەيرىڭىنى پاش قىلىپ، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنى قوزغىلاڭ ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرىق قىلغان. 1862-يىلى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 1889-يىلى قويۇپ بېرىلىپ يۇرتىغا قايتقان. ئۇزۇن مۇددەتلىك جاپالىق ئەمگەك ۋە سۈرگۈن جەريانىدا «نېمە قىلىش كېرەك؟» ھەم «مۇقەددىمە» دېگەن رومانلارنى يېزىپ چىققان، ئۇنىڭدىن باشقا «كاپىتال ۋە ئەمگەك»، «پەلسەپىدىكى ئانتروپولوگىزملىق پرىنسىپ توغرىسىدا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بولۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن توپلىمى نەشىر قىلىنغان.

چېرنىگوۋ پولكى قوزغىلىڭى

  • چېرنىگوۋ پولكى قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] «دېكابرىستلار» غا قارالسۇن.

چېسنۇت

  • چېسنۇت[يەشمىسى:]Charles Waddell Chesnutt، 1858 — 1932) ئامېرىكىلىق نېگىر يازغۇچى. ئادۋوكات. ئوخىئو شتاتىدىكى ئەركىن نېگىر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ياش ۋاقتىدا مۇنتىزىم تەربىيە ئالغان، ئۇزۇن مۇددەت مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئاخبارات مۇخبىرى، تېز خاتىرىلىگۈچى بولغان. 1887-يىلى ئادۋوكات بولغان. ئەسەرلىرىدە ھەرقايسى قاتلاملاردىكى نېگىرلارنىڭ تۇرمۇشىنى رېئالىزملىق ئۇسۇل بىلەن تەسۋىرلىگەن، جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىدىن كېيىنكى جەنۇب دېھقانچىلىق خوجىدارلىرى ۋە شىمال كاپىتالىستلىرىنىڭ زۇلمى ئاستىدىكى نېگىرلارنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئىنكاس قىلىپ، ئىرقىي كەمسىتىشكە نارازىلىق بىلدۈرگەن. مۇھىم ئەسەرلىرىدىن «ۋالىينىڭ قىزى»،«جادۇگەر»، «بىر ئەخمەقنىڭ پىتنە-ئىغۋاسى» دېگەن پوۋېستلار توپلىمى، «پولكوۋنىكنىڭ ئارزۇسى» دېگەن رومانى، «فرېدرىخ دوگراسنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن تەزكىرىسى بار.

چېگرا رايون ئىلمىي ئېقىمى

  • چېگرا رايون ئىلمىي ئېقىمى[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان بۇرژۇئا تارىخشۇناسلىق ئېقىمى. ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس تۇرنېر(Frederick Jackson Turner) 1893-يىلى «چېگرا رايونلارنىڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتى» دېگەن ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، مۇشۇ تەلىماتنى تۇنجى قېتىم تەشەببۇس قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن نەزەرىيىچىلەر ماقالە يېزىپ قايتا-قايتا شەرھلەپ، ئامېرىكا تارىخىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى چۈشەندۈرىدىغان بىر خىل يېڭى تەلىماتنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرى مۇنداق:(1)ⅪⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇرۇن، ئامېرىكىنىڭ غەربىدە غەربكە ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان بىر چېگرا بولۇپ، ئامېرىكا تارىخى ناھايىتى زور دەرىجىدە، كەڭ غەربكە ئۈزلۈكسىز كېڭىيىش تارىخى ھېسابلىنىدۇ. (2) ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى ئىگىسىز يەرلەر ئامېرىكا ئاھالىلىرى تەرىپىدىن خالىغانچە ئۆزلەشتۈرۈلۈپ، ئۇلارنى «ھاياتلىق يولى» بىلەن تەمىن ئەتتى. كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھال-ئەھۋالىغا قانائەت قىلماي، خالىغانچە غەربكە كېڭىيىپ، جەمئىيەتنى ھەمىشە تۇراقسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ، ئەركىن رىقابەت ئارقىلىق «گۈللىنىش» كە يەتتى. (3) غەربكە ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان بۇنداق چېگرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئامېرىكا مىللەتلىرىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم ئامىل، ئامېرىكىنىڭ غەربىي ياۋروپا ئەللىرىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى. بۇ نەزەرىيە «ئامېرىكا مۇستەسنا نەزەرىيىسى» نىڭ تارىخ ساھەسىدىكى ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

چېگرا شتاتلار

  • چېگرا شتاتلار[يەشمىسى:] ئامېرىكىنىڭ شىمال-جەنۇب ئۇرۇشى ۋاقتىدا، شىمال قىسىمدىكى ئەركىن شتاتلارغا تۇتىشىپ تۇرىدىغان قۇللۇق تۈزۈمى مەۋجۇت شتاتلارنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، دېلاۋەر (Delaware)، مارىلەند (Maryland)، ۋىرگىنىيە (Virginia)، كېنتۇككى (Kentucky) ۋە مىسسۇرى (Missouri) شتاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ شتاتلارنىڭ شىمال بىلەن بولغان ئىقتىسادىي باغلىنىشى بىرقەدەر زىچ بولۇپ، شىمال-جەنۇب ئۇرۇشىدا ۋىرگىنىيە (غەربىي ۋىرگىنىيە بۇ شتاتتىن بۆلۈنۈپ چىققان) دىن باشقىلىرى ئىتتىپاقتىن بۆلۈنۈپ چىقمىغان، شۇنىڭدەك توپىلاڭچى جەنۇبىي شتاتلار ئىتتىپاقىغىمۇ قاتناشمىغان.

چېمبېرلېن

  • چېمبېرلېن[يەشمىسى:]1) جوسېف چېمبېرلېن (Joseph Chambarlain، 1836 — 1914). ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكە ئىشلىرى ۋەزىرى (1895 — 1903). بىرمېنھام شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1873 — 1876-يىللىرى بىرمېنھام شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولغان. 1876-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. دەسلەپتە لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ رادىكالى، كېيىن مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسىنىڭ ئوڭ قانىتى بولغان. 1880 — 1885-يىللىرى سودا ۋەزىرى بولغان. 1886-يىلى يەرلىك ھۆكۈمەت ۋازارىتىنىڭ ۋەزىرى بولغان. مۇستەملىكە ئىشلىرى ۋەزىرى بولۇپ تۇرغاندا كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دومىنىئونلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنغان. قوغدىنىش چېگرا بېجى سىياسىتىنى تەرغىپ قىلىپ، ئىمپېرىيىدە ئىمتىيازلىق تۈزۈمنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1906-يىلىدىن باشلاپ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، سىياسىي تەسىرى پەيدىنپەي ئاجىزلاشقان. (2) ئوستىن چېمبېرلېن (Austen Chamberlain، 1863 — 1937) ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1924 — 1929). جوسېف چېمبېرلىننىڭ ئوغلى. ئارتور نېۋىل چېمبېرلېننىڭ ئانا بۆلەك ئاكىسى. ئۇ 1892-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. پوچتا ئىشلىرى ۋەزىرى، مالىيە ۋەزىرى، ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1921 — 1922-يىللىرى تۆۋەن پالاتادىكى مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسىنىڭ داھىيسى بولغان. تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ تۇرغاندا، فرانسىيە ۋە گېرمانىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيىنىڭ شەرققە قول سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «لوكارنو ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالىغان. 1933-يىلدىن كېيىن چېرچىللنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى ۋە تاشقى سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقىنى قوللىغان. «بىزنىڭ دەۋرىمىزدىكى تىنچلىق» دېگەن ئەسىرى بار. (3) ئارتور نېۋىل چېمبېرلېن (Arthur Neville Chamberlain، 1869 — 1940). ئەنگلىيە باش ۋەزىرى (1937 — 1940). مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. جوسېف چېمبېرلېننىڭ ئوغلى، ئوستىن چېمبېرلېننىڭ ئانا بۆلەك ئىنىسى. ياش ۋاقتىدا بىرمېنھامدا سودىگەرچىلىك قىلغان. 1915-يىلى بىرمېنھام شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولغان. 1918-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1922-يىلىدىن باشلاپ پوچتا ئىشلىرى ۋەزىرى، سەھىيە ۋەزىرى، مالىيە ۋەزىرى بولغان. باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغاندا گېرمانىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا يول قويىدىغان «تىنچلاندۇرۇش سىياسىتى» نى يۈرگۈزگەن. 1938-يىلى موسسولىنى ئىتالىيىنىڭ ئېفىئوپىيىنى بېسىۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، گىتلېر گېرمانىيىنىڭ ئاۋسترىيىنى يۇتۇۋالغانلىقىغا سۈكۈت قىلغان ھەمدە گېرمانىيە بىلەن «ميۇنخېن كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، چېخوسلوۋاكىيىنى ساتقان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندا ئەنگلىيە ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولۇپ، تىنچلاندۇرۇش سىياسىتى بەربات بولغان. چېمبېرلېن 1940-يىلى تەختتىن چۈشكەن. «نۇتۇقلار توپلىمى: تىنچلىق ئۈچۈن كۈرەش» دېگەن ئەسىرى بار.

چېن جىكو

  • چېن جىكو[يەشمىسى:]؟ — 1414) ۋيېتنامنىڭ كېيىنكى چىن سۇلالىسى (1407 — 1413) نىڭ پادىشاھى. چېن يىزۇڭنىڭ نەۋرىسى، چېن چيەندىڭنىڭ جىيەنى. 1409-يىلى پادىشاھلىققا كۆتۈرۈلگەن، يىلنامىنى چوڭگۇاڭغا ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنى چوڭگۇاڭ خان دەپ ئاتاپ، مىڭ سۇلالىسىگە داۋاملىق قارشى تۇرغان. 1413-يىلى تايانچ بازىسى خۇاجۇ قولدىن كەتكەندىن كېيىن لائوسقا بارغان، ئاخىرى مىڭ سۇلالىسىنىڭ سەركەردىسى جاڭ فۇنىڭ قولىغا چۈشكەن. يەنجىڭ (بېيجىڭ) غا يالاپ ئېلىپ ماڭغاندا ئۆزىنى سۇغا تاشلاپ ئۆلۈۋالغان.

چېن جيەندىڭ

  • چېن جيەندىڭ[يەشمىسى:]؟ — 1409) ۋيېتنامنىڭ كېيىنكى چېن سۇلالىسى (1407 — 1413) نىڭ پادىشاھى. ئىسمى ۋىي. چېن يىزۇڭنىڭ ئىككىنچى ئوغلى. 1407-يىلى مىڭ سۇلالىسى قوشۇنى ۋيېتنامنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوشۇن تارتىپ چىقىپ، پادىشاھلىققا كۆتۈرۈلگەن. ئۆزىنى جيەندىڭ خان، يىلنامىنى شىڭچىڭ دەپ ئاتىغان. 1408-يىلى بۇگۇ (ھازىرقى نامدىن ئۆلكىسى فىڭيىڭ ناھىيىسىدىكى لىگۇشى) دا مىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ۋەزىيەتنى ئوڭشىغان. كېيىن ھەسەتخورلۇق قىلىپ، سەركەردە دېڭ شىنى ئۆلتۈرۈپ، بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1409-يىلى دېڭ شىنىڭ ئوغلى دېڭ رۇڭ قاتارلىقلار قوشۇنىنى باشلاپ چېن جىكۇنى پادىشاھ قىلغان. چېن جىكۇ چېن جيەندىڭنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنى ھۈرمەتلەپ شاھىنشاھ قىلىپ، مىڭ سۇلالىسىگە بىرلىكتە قارشى تۇرغان. شۇ يىلى 7-ئايدا مىڭ سۇلالىسىنىڭ سەركەردىسى جاڭ فۇ چېن جيەندىڭنى ئەسىرگە ئېلىپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى جىنلىڭ (ھازىرقى نەنجىڭ) گە يالاپ ئاپىرىپ ئۆلتۈرگەن.

چېن جيۇڭ

  • چېن جيۇڭ[يەشمىسى:]1218 — 1277) چېن رىجيۇڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋيېتنام چېن سۇلالىسىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد ھۆكۈمرانى(1225 — 1258). لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى ئايال پادىشاھى لى جاۋنىڭ ئېرى. 1225-يىلى ئۇنىڭ تاغىسى، زالىم ۋەزىر چېن شودۇ ئايال پادىشاھ لى جاۋنى تەختنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىغان. چېن جيۇڭ پادىشاھلىق تەختكە چىقىپ، يىلنامىنى جيەنجۇڭغا ئۆزگەرتىپ، چېن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى باشلىغان. ئۇ تەختكە چىققاندا گۆدەك بولغاچقا، ئەمەلىي ھوقۇقنى تاغىسى چېن شۇدۇ تۇتقان. چېن جيۇڭ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، توغان ياسىتىپ، ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى چاپتۇرۇپ، بوز يەر ئاچتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە راۋاجلاندۇرغان ھەمدە قول-ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە تاشقى سودىنى مۇكاپاتلىغان. پۇلنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، باج، ئەسكىرىي تۈزۈم، ئەمەلدارلىق تۈزۈمى قاتارلىق ھەرخىل تۈزۈملەرنى تەرتىپكە سالغان. دۆلەت بىلىملىرىنى تەسىس قىلىپ، كۇڭزىچىلارنى مۇكاپاتلاپ، ئىمتىھان ئېلىپ، ئۆلىمالارنى تاللىغان، قوشۇن باشلاپ جۇڭگونىڭ سۇڭ سۇلالىسىنىڭ چېگرا رايونلىرىغا ۋە قوشنا دۆلەت كامپۇغا تاجاۋۇز قىلغان. 1258-يىلى تەختنى ئوغلىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. ئۆزى شاھىنشاھ بولغان. ئۆزىگە تەيزۇڭ ھۆرمەت نامى بەرگەن.

چېن خەن

  • چېن خەن[يەشمىسى:] «ئۈچ خەن» گە قارالسۇن.

چېن گاۋ قوزغىلىڭى

  • چېن گاۋ قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ۋيېتنام دېھقانلار قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭغا چېن گاۋ رەھبەرلىك قىلغان. قوزغىلاڭنىڭ تەييارلىقى 1510-يىلى باشلىنىپ، 1516-يىلى خەيدوڭ رايونىدا پارتلاپ، كېيىنكى لى سۇلالىسىنىڭ چىرىك ھۆكۈمرانلىقىغا زەربە بەرگەن. چېن گاۋ ئۆزىنى چېن تەيزۇڭ (چېن جيۇڭ) نىڭ ئەۋرىسى دەپ ئاتىۋېلىپ، «شەرقتە پەغپۇر مەيدانغا كېلىدۇ» دېگەن بېشارەتنى تەشۋىق قىلىپ، قوزغىلاڭغا چاقىرىق قىلغان. قوزغىلاڭغا قاتناشقۇچىلار كۆپ بولغاندا ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە يەتكەن. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى پايتەخت شىڭلۇڭ (ھازىرقى خانۇي) نى بىر مەھەل ئىشغال قىلغان. چېن گاۋ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلاپ، يىلنامىنى يىڭتيەنگە ئۆزگەرتكەن. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى كۈرەش داۋامىدا چېڭ ۋىيچيەن قاتارلىق ھوقۇقدار، زالىم ۋەزىر، سەركەردىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، فېئودال ھۆكۈمرانلارغا قاتتىق زەربە بەرگەن. كېيىن ھۆكۈمرانلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن باستۇرۇشى ئاستىدا قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۈچى ئاجىزلاشقان. چېن گاۋ چېچىنى چۈشۈرۈپ راھىب بولۇپ، ئورنىنى ئوغلى چېن شىڭغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. ئوغلى يىلنامىنى شىۋەنخېغا ئۆزگەرتىپ، 1521-يىلى مەغلۇپ بولغانغا قەدەر كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. 

چېن گۇجۈن

  • چېن گۇجۈن[يەشمىسى:]1213 — 1300) چېن جۈن ياكى چېن شىڭداۋ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋيېتنام لى سۇلالىسىنىڭ سەركەردىسى، ھەربىي ئالىم. چېن سۇلالىسى پادىشاھ جەمەتىدىن. ئۇنىڭغا تەخت ۋارىسى نائىبى، ھۈرمەتلىك ئۇستاز، بەگ، شىمالنى تىنچىتقۇچى قوماندان، شىڭداۋ خانى قاتارلىق ئۇنۋان-مەنسەپلەر مۆھۈرلەپ بېرىلگەن. 1257 ، 1285 ، 1287 — 1288-يىللىرى موڭغۇللار ۋە يۈەن سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىنى ئۈچ قېتىم چېكىندۈرگەن. «ھەربىي ئالىم مياۋلى ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھ»، «ھەربىي نامە ئۈستىدە قىسقىچە چۈشەنچە»، «ۋەن جىيزوڭنىڭ مەخپىي تەرجىمىھالى» قاتارلىق ھەربىي كىتابلىرى ۋە «ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەرگە يارلىق» دېگەن خەنزۇچە ئەسىرى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قېپقالغان.

چېننائۇلت

  • چېننائۇلت[يەشمىسى:]Clairevlee Chennault، 1890 — 1958) ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك گېنېرال پولكوۋنىكى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋە ھاۋا ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1937-يىلى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن، شۇ يىلى جۇڭگوغا كېلىپ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئاۋىئاتسىيە كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1941-يىلى ئامېرىكا پىدائىيلار ئاۋىئاتسىيە ئەترىتى («ئۇچار يولۋاس ئەترىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى تەشكىل قىلغان. 1942-يىلى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ھاۋا ئارمىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، پىدائىيلار ئەترىتىنى ئامېرىكا 14-ئاۋىئاتسىيە ئەترىتى قىلىپ قۇرۇپ، ئەترەت باشلىقى (گېنېرال مايور) بولغان. 1946-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن «خەلق ئاۋىئاتسىيە شىركىتى» نى تەشكىللەپ بەرگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ شىركەتنى «مەمۇرىي پالاتا قۇتقۇزۇش باش مەھكىمىسى ھاۋا قاتناش چوڭ ئەترىتى» قىلىپ ئۆزگەرتكەن. جياڭ جيېشى ئارمىيىسىنىڭ ئاۋىئاتسىيە ترانسپورتى، رازۋېتكا قىلىش ۋە ئازاد رايونلارنى بومباردىمان قىلىشىغا ياردەملەشكەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شياڭگاڭدا جۇڭگونىڭ ئىككى ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگىلىۋالغان.

چىبچالار

  • چىبچالار[يەشمىسى:] لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئىندىئانلارنىڭ بىر تارمىقى. ئاساسەن ھازىرقى كولومبىيە، ۋېنسۇئېلا، پاناما ۋە گوستا-رىكادا ئولتۇراقلاشقان. مۇئىسكا (Muiscas)، بورۇكا (Borucas)، برىبرىس (Bribris)، گۇئاتۇسو (Guatusos) قاتارلىق قەبىلىلىرى بار. ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جامائەسىگە تەۋە بولۇپ، قەبىلە باشلىقى، ئەركىن پۇقرا ۋە قۇللارغا بۆلۈنگەن. تەخمىنەن 1536-ۋە 1541-يىللىرىدا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەتكە ئىگە. ئاساسەن دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ياڭيۇ، كۆممىقوناق، كېۋەز قاتارلىقلارنى ئۆستۈرگەن. ئۇلار ئالتۇن، مىس زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساشقا ئۇستا بولغان ھەمدە زۇمرەت قازغان، رەخت توقۇغان ۋە ساپال قاچىلارنى ياسىغان. سودا پائالىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. كۈن، ئاي، يەر ۋە ئەجدادلىرىغا چوقۇنغان. ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

چىبېرون قۇرۇقلۇققا چىقىشى

  • چىبېرون قۇرۇقلۇققا چىقىشى[يەشمىسى:] فرانسىيە تومۇز ئايچىلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىكى قاچقۇنلارنىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلىڭى. چىبېرون (Quiberon، برېتانې چېگرىسى ئىچىدە) يېرىم ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىققانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ۋېندې توپىلىڭى تىنچىتىلغاندىن كېيىن، فرانسىيىدىكى گراف پىسايې (Joseph Puisaye، 1755 — 1827) برىتانىيىدىكى قالدۇق خۇئانچىلاردىن پايدىلىنىپ يەنە بىر قېتىم توپىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولغان ھەمدە ئەنگلىيىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى پىتت فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە كەينى-كەينىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقتىن، تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن فرانسىيە ۋەزىيىتى مۇقىم بولمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پىسايېنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىنى قوللىغان. 1795-يىلى 6-ئايدا، ئەنگلىيە قوراللاندۇرۇپ بەرگەن 10 مىڭغا يېقىن فرانسىيىلىك توپىلاڭچى قوشۇن ئەنگلىيە فلوتىنىڭ مۇھاپىزىتى بىلەن، چىبېرون يېرىم ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، قالدۇق خۇئانچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ پارىژغا يۈرۈش قىلىپ، بوربۇن سۇلالىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھوسې (Louis Lazare Hoche، 1768 — 1797) يېتەكچىلىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچى ئارمىيە تەرىپىدىن ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ قىلىنغان.

چىبىن (خاتانارى)

  • چىبىن (خاتانارى)[يەشمىسى:] ياپونىيە ئېدو شۇگناتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق مۇلازىم، مائاشى يۈز كۈرىدىن 10 مىڭ كۈرىگىچە بولغان، سىياگۇن بىلەن كۆرۈشۈش لاياقىتىگە ئىگە سامورايلار. شوگنات ھەربىي كۈچلىرىنىڭ تايانچىسى. توكوگاۋا گېننىڭ زېمىنى مىكاۋا (بۈگۈنكى ئايتى ناھىيىسىنىڭ شەرقىي قىسمىدا) دىكى مۇلازىملار ئاساس قىلىنغان ھالدا بويسۇندۇرۇلغان ئاز ساندىكى چوڭ بەگلەرنىڭ مۇلازىملىرىدىن تەركىب تاپقان. ئاتاقلىق كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە ئالاھىدە ھۈنەرنى كەسىپ قىلىۋالغانلارمۇ ئۇنىڭغا قاتناشقان. خاتانارىلارنىڭ 10 دىن بىر قىسمى شوگنات بەرگەن يەرگە ئىگە بولغان. ئۇلار مائاش ئورنىدا يىللىق ئولپان يىغقان ھەمدە مەمۇرىيەت، قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھوقۇققا ئىگە بولغان بولۇپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر قاتارىغا كىرىدۇ، لېكىن ئۆزى ئېدودا تۇرۇشى كېرەك. خاتانارىلارنىڭ كۆپىنچىسى شوگنات بەرگەن مائاشقا تايىناتتى. مائاشى 3000 كۈرىدىن يۇقىرى بولغان مەنسەپسىزلەر «جىخې» دەپ ئاتىلاتتى. 3000 كۈرىدىن تۆۋەن بولغان مەنسەپسىزلەر «شياۋپۇچىڭ» دەپ ئاتىلاتتى. چىبىننىڭ ئومۇمىي سانى 5 مىڭ 200 چامىسىدا بولاتتى. مائاشى 3000 مىڭ كۈرىدىن يۇقىرى بولغانلار ئاران 250 كىشى. 500 كۈرىدىن تۆۋەن، 100 كۈرىدىن يۇقىرى بولغانلار 3000 دىن ئارتۇق. خانلىق مۇلازىم ۋە مائاشنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ چىقىرىلغان ئەسكەرلەر بىلەن قوشۇلۇپ 80 مىڭغا يېتەتتى. بۇ 30 — 40 چوڭ بەگنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىدىنمۇ كۆپ بولۇپ، «80 مىڭ خاتانارى» دەپ ماختانغان. 

چىتتاگۇڭ قوزغىلىڭى

  • چىتتاگۇڭ قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ھىندىستاننىڭ چىتتاگۇڭ (ھازىر بېنگال دۆلىتىگە تەۋە) دېگەن يېرىدىكى خەلقنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى قوزغىلىڭى.1930-يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاخشىمى سۇريا كۇمارسېن (Surya Kumarsen) تېررورلۇق تەشكىلاتى — «چىتتاگۇڭ ھىندىستان جۇمھۇرىيەت قوشۇنى» غا رەھبەرلىك قىلىپ، چىتتاگۇڭ قورال-ياراق ئىسكىلاتى ۋە ساقچى گازارمىسىنى تۇيۇقسىز ئىگىلىگەن. ئارقىدىنلا نامايىشچىلار قوشۇنىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى شەھەر مەركىزىگە باشلاپ بارغان ھەمدە كوچا ئىستىھكاملىرىنى ياساپ، پۈتۈن شەھەرنى كونترول قىلغان. شەھەرنىڭ مەمۇرىي باشلىقى پورت ئىچىگە قېچىپ بېرىپ، كالكوتتادىن ياردەم سورىغان ھەمدە پورتتا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە، ھىندىستان قوشۇنلىرىنى قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن. قوزغىلاڭچىلار شەھەردىن قايتىپ چىقىپ، جالالئاباد تېغىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان. «جۇمھۇرىيەت قوشۇنى» نىڭ 30 نەپەر ئەزاسى سوتنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان.1932—1933-يىللىرى «جۇمھۇرىيەت قوشۇنى» نىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئىلگىرى-كېيىن قولغا ئېلىنغان.

چىچېرىن

  • چىچېرىن[يەشمىسى:]Георгий Васильевич Чичерин، 1872 — 1936) سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى. پېتربۇرگ داشۆسىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن چارروسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئىشلىگەن. 1904-يىلى ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. 1905-يىلى بېرلىندا روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن. فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ خىزمىتى ۋە ئەنگلىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەزگىللىرى بىر مەھەل مېنشىۋىكلارغا تەۋە بولۇپ كەتكەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ بولشىۋېكلارغا قاتناشقان. 1918 — 1930-يىللىرى تاشقى ئىشلار خەلق كومېسسارى بولۇپ ئىشلىگەن. ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ گېرمانىيە بىلەن «بىرېست-لىتوۋىسك سۈلھ شەرتنامىسى» ئىمزالىغان، گېنويە، لوسان قاتارلىق خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتناشقان. 14-ۋە 15-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.

چىچېن ئىتسا

  • چىچېن ئىتسا[يەشمىسى:]Chichen Itza) مېكسىكىنىڭ قەدىمكى مايا مەدەنىيىتى خارابىلىرىدىن بىرى. ئورنى يۇكوتان يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى مېرىدا شەھىرىنىڭ شەرقىغە تەخمىنەن 110 كىلومېتر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، مايا كلاسسىك دەۋرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن كېيىنكى كلاسسىك دەۋرىگىچە دىنىي مەركەز بولغان. خارابە جەنۇبتىن شىمالغا ئۈچ كىلومېتر، شەرقتىن غەربكە ئىككى كىلومېتر كېلىدىغان دائىرىگە تارقالغان بولۇپ، بىرنەچچە يۈز ئىمارەت بار، ھازىرغىچە 20 نەچچىسى رەتلەنگەن. جەنۇبىي تەرىپىدە «راھىب ۋە راھىبە قورۇسى»، «چېركاۋ» (ئىبادەتخانا)، «بۇغا ئۆيى»، «قىزىل ئۆي» قاتارلىقلار بولۇپ، كلاسسىك دەۋرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا ئائىتلىرى بىرقەدەر كۆپ. شىمالىي تەرىپىدە «جەڭچىلەر ئىبادەتخانىسى»، « مىڭ تۈۋرۈكلۈك ئىمارەت» ۋە مايا بىلەن تېئوتىئۇئاكان بىناكارلىقىنىڭ ئارتۇقچىلىقى قوبۇل قىلىنغان «ئېل كاستىرو» ئىبادەتخانىسى بار. ئۇنىڭ سۇپا ئۇلىنىڭ ھەربىر تەرىپىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 55 مېتر، ئېگىزلىكى 29 مېتر بولۇپ، جەمئىي توققۇز قەۋەتكە بۆلۈنگەن، ھەربىر تەرىپىدە 90 پەلەمپەي بار. توپ مەيدانى ئادەتتىكى ئىمارەتلەر بىلەن ئوخشاشمايدۇ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 175 مېتر، كەڭلىكى 74 مېتر كېلىدۇ، شەرق ۋە غەرب تەرىپى ئېگىز ۋە كەڭ تام بىلەن توسۇلغان، جەنۇب ۋە شىمال تەرىپىدە تاماشىبىنلار سۇپىسىغا ئوخشاش يالغۇز بىنالار بار. رەسەتخانا بىناسى ئېگىز ئىككى قەۋەت سۇپا ئۈستىگە سېلىنغان يۇمىلاق شەكىلدىكى ئىمارەت بولۇپ، ئىچىدە بۇرما شەكىلدىكى پەلەمپەي يول ۋە ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىققىلى بولىدىغان ئايلانما كارىدور بار. كۆزىتىش ۋە ئۆلچەش ئورنى مايا روھانىيلىرى ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىدىغان ۋە ئۆلچەيدىغان ئورۇن بولۇپ، ھازىر قاتتىق ۋەيران قىلىۋېتىلگەن.

چىراغ يېقىش مۇراسىمى

  • چىراغ يېقىش مۇراسىمى[يەشمىسى:] چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسىدە دۆلەتنىڭ مۇھىم دىنىي مۇراسىمى. چىراغ يېقىش ئەسلى بۇددا دىنى رىۋايىتىدىكى بۇدساتۋانىڭ تۇغۇلغان كۈنى يەنى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم ئىدى. بۇددا دىنى چاۋشيەنگە تارقالغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىلاھقا نەزىر-چىراغ قىلىش ئادىتى بىلەن بىرلىشىپ، باگۈەنخۇي بىلەن بىللە دۆلەتنىڭ ئىككى مۇھىم مۇراسىمىغا ئايلانغان. سىللا دەۋرىدە تارقالغان. كورىيە تەيزۇ خانى ۋاڭ جيەن (918 — 943-يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) ئون ماددىلىق كۆرسەتمە چىقىرىپ، چىراغ يېقىپ بۇددىغا چوقۇنۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى (ياكى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى) كەيجىڭ (بۈگۈنكى كەيچىڭ) ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى ھەممە ئائىلىلەر پانۇس ئېسىپ ۋە شەلپەر تارتىپ، تاڭ ئاتقىچە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىغان. كەيجىڭدا تەنتەنىلىك چىراغ يېقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوردىدا ۋە يامۇللاردا ئويۇن-تىياتىر قويۇلۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى پۇقرالار تاماشا قىلىشقان. ئۇنىڭ راسخوتلىرىنى مەخسۇس تەسىس قىلىنغان چىراغ يېقىش باش نازىرى، باگۋەنباۋلار تەييارلىغان. كېيىن ئۇ پۇقرالاردىن پۇل يىغىشقا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئۈچۈن كۇڭزىچىلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان. بەزىدە ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن كورىيە سۇلالىسىدە ئۇزاققىچە داۋام قىلغان.

چىش تارتقۇچىلار قوزغىلىڭى

  • چىش تارتقۇچىلار قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى برازىلىيە خەلقىنىڭ پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مەخپىي ھەرىكىتى. 1788-يىلى، مىناس جېرائىس ئوبلاستىدا قوراللىق مەخپىي تەشكىلات قۇرۇلۇپ، «چىش تارتقۇچى» دەپ ئاتالغان چىش دوختۇرى شاۋېر سىلۋا (Шавер Сильва) ئۇنىڭ رەھبىرى بولغان. تەشكىلات ئاساسەن زىيالىيلار ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلاردىن تەركىب تاپقان، مىللىي مۇستەقىللىق، جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ۋە قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى تەشكىلاتنىڭ شوئارى قىلغان. ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولۇپ، زور كۆپچىلىك ئەزالىرى قامالغان ۋە سۈرگۈن قىلىنغان، شاۋېرسىلۋا 1792-يىلى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، لېكىن قوزغىلاڭ برازىلىيە مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنىڭ پەردىسىنى ئاچقان. 

چىشېڭ ناملىق پاراخوت قوزغىلىڭى

  • چىشېڭ ناملىق پاراخوت قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ھىندۇنېزىيە ماتروسلىرىنىڭ گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۆتۈرگەن قوراللىق قوزغىلىڭى. 1929 — 1933-يىللاردا دۇنيا كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي كرىزىس مەزگىلىدە، گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى كرىزىسنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇش ئۈچۈن، ھىندۇنېزىيە خەلقىغە بولغان ئېكسپىلاتاتسىيىنى كۈچەيتكەن. 1931-يىلى 1-ئايدا، گوللاندىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ماتروسلارنىڭ ئىش ھەققىنى %5 كېمەيتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن، 1932-يىلى يەنە %5 كېمەيتكەن ھەمدە 1933-يىلى 1-ئايغا بارغاندا يەنە %7 كېمەيتىشنى پىلانلىغان. ھىندۇنېزىيە، گوللاندىيە دېڭىزچىلىرى شۇ سەۋەبتىن 1932-يىلى 12-ئايدا سۇرابايادا ماتروسلار يىغىنى چاقىرىپ، نامايىش ئۆتكۈزگەن. 1933-يىلى 1-ئايدا بىرنەچچە ھەربىي پاراخوت يولغا چىقىش بۇيرۇقىنى رەت قىلغان. مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى «چىشېڭ» ناملىق ھەربىي پاراخوتنى سۇرابايادىن سۇماتراغا قاتناشقا بۇيرۇغان. شۇ يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى چوڭ ئاجېدا توختىغان «چىشېڭ» ناملىق ھەربىي پاراخوتتىكى ھىندۇنېزىيىنىڭ 200 دىن ئارتۇق ماتروسى، گوللاندىيە ماتروسلىرى بىلەن بىرلىشىپ، بىر قىسىم گوللاندىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، پاراخوتتىكى قورال-ياراق ئامبىرىنى ئېچىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. قوزغىلاڭچى ماتروسلار ھەربىي پاراخوتنى ھەيدەپ سوماترادىن سۇراباياغا قايتىپ بېرىپ، نامايىشتا قولغا ئېلىنغان دېڭىزچىلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى دەرھال دېڭىز ئارمىيىسى ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنى يۆتكەپ توسقان. «چىشېڭ» ناملىق پاراخوت سۇندا بوغۇزىدا گوللاندىيىنىڭ بىرقانچە ھەربىي پاراخوتىنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ۋە ئايروپىلاننىڭ بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچراپ، قوزغىلاڭ دەھشەتلىك باستۇرۇلغان. بىراق قوزغىلاڭ ھىندۇنېزىيە خەلقىنىڭ گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۈرىشىگە ئىلھام بەرگەن. 1958-يىلى، قوزغىلاڭدا قۇربان بولغان 21 نەپەر ھىندۇنېزىيە ماتروسى مىللىي قەھرىمان دەپ جاكارلانغان.

چىڭشاۋ نايەن (كىيوشو نورىگېنى)

  • چىڭشاۋ نايەن (كىيوشو نورىگېنى)[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ پىڭئەن دەۋرىدىكى ئايال ئەدىب. تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس. ئۇنىڭ دادىسى چىڭيۇەن يۇەنفۇ ئوردىدا «تەكلىپدار» لىق خىزمىتىنى قىلغان، شۇڭا «كەمسۆز كىيوشو» دەپ ئاتالغان. كىچىك ۋاقتىدا تاغىسىنىڭ خەنزۇشۇناسلىق تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. مىلادى 981-يىلى جۇيزىگۇاڭ بىلەن توي قىلغان. ئېرى ئۆلگەندىن كېيىن، تېننو يىتياۋنىڭ خانىكىسى دىڭزىنىڭ ئايال ئەمەلدارى بولۇپ سەككىز يىل خىزمەت قىلغان. 1000-يىلى دىڭزى ئۆلگەندە ئوردا تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تىڭيۇەن دۇڭشى بىلەن توي قىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا گۇەنشىدە سەرسان بولۇپ راھىبە بولغان. ئوردىدا خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە «جېنساۋزى» دېگەن ئەسىرىنى يېزىشقا كىرىشىپ، ئۇنىڭدا ئوردا ئىچى-سىرتىدىكى تۇرمۇشنى ۋە تەبىئەتنى كۆزىتىشنى تەسۋىرلىگەن. ئۇنىڭ ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىگە قارشىلىقى بولسىمۇ،ئەمما باشتىن-ئاخىر زاۋال تاپقان ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىنىڭ ئىچىدە ياشىغان. بۇ كىتاب ياپونىيە خاتىرە ئەدەبىياتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە «كىيوشو نورىگېنى توپلىمى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار.

چىڭفۇ كۇيۋۇ (كىيوئۇرا كېيگو)

  • چىڭفۇ كۇيۋۇ (كىيوئۇرا كېيگو)[يەشمىسى:]1850 — 1942) ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1924). ئەدلىيە ساھەسى ۋە ئىچكى ئىشلار ۋازارىتى سىستېمىسىدا ئۇزاق مۇددەت ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئەدلىيە ۋەزىرى (1896 — 1903)، يېزا ئىگىلىك-سودا ۋەزىرى (1903 — 1906)، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى (1905 — 1906) بولغان. 1906-يىلدىن باشلاپ زوراغالىق مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1917-يىلدىن باشلاپ زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1922-يىلىدىن باشلاپ زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1924-يىلى 1-ئايدا كابىنېت تەشكىللىگەن، ئەمما ئاساسىي قانۇننى ياقلىغۇچى ئۈچ تەرەپ (ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي جەمئىيىتى، سىياسىي سەپداشلار جەمئىيىتى، ئىسلاھاتچىلار كۇلۇبى) قارشى تۇرغانلىقتىن، شۇ يىلى 6-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن.

چىڭ يەنگې

  • چىڭ يەنگې[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ كورىيە سۇلالىسى ئوردىسىدىكى كۇڭزىچىلىق كىتابلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئورگان، سېلىشتۇرۇپ تۈزىتىش ۋە كۆچۈرۈش ئىشلىرىنى قوشۇمچە ئىشلىگەن. 1116-يىلى (رۇيزۇڭنىڭ 11 -يىلى) قۇرۇلغان، كېيىن باۋۋېنگې دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1151-يىلى (يىزوڭنىڭ 5-يىلى) كۆچۈرمىچىلىك ئورنى قىلىنغان. 1275-يىلى (جوڭ لې ۋاڭنىڭ 1-يىلى) باۋۋېنشۇ دەپ ئاتالغان. 1298-يىلى (جۇڭ لې ۋاڭنىڭ 24-يىلى) تۇڭۋېنيۈەنگە قوشۇۋېتىلگەن. 1314-يىلى ( جۇڭ سۇۋاڭنىڭ 1-يىلى) باۋۋېنگى دەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

چىكا

  • چىكا[يەشمىسى:] يەنى «پۈتۈن روسىيە ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاش كومىسسارىياتى».

چىكاگو ئىلمىي ئېقىمى

  • چىكاگو ئىلمىي ئېقىمى[يەشمىسى:] ⅩⅩئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن 30-يىللىرىغىچە ئامېرىكىنىڭ چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەكىللەنگەن ئىقتىسادشۇناسلىق ئېقىمى. ئاساسلىق ۋەكىلى ياكوب ۋانار (Yakoboo. Vanar)، ھېنرى زېمونس (Henr.semons)، فولانكى نىتې (foolanke. nite) قاتارلىقلار. ھۆكۈمەتنىڭ خىراجىتىنى كېڭەيتىش، پۇلنى پاخاللاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتىپ، بۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادىي كرېزىستىن ساقلىنىشنى تەشەببۇس قىلغان، شۇ سەۋەبتىن «يېڭى لىبېرالىزم» غا ياتىدىغان مەزھەپ دەپ قارالغان. بۇ خىل نۇقتىئىنەزەر كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بەزى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئەنگلىيە ئىقتىسادشۇناسى كېينېس (Keynes) نىڭ نەزەرىيىسىگە ئوخشاپ كەتكەن، روزېۋېلت (Roosevelt) بۇنى «يېڭى سىياسەت» يۈرگۈزۈشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى قىلغان.

چىمۇ جىشېڭ (ئۇئېكى ئېساشى)

  • چىمۇ جىشېڭ (ئۇئېكى ئېساشى)[يەشمىسى:]1857 — 1892)، ياپونىيە ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ نەزەرىيىچىسى ۋە ئەربابى. يەرلىك تۆرە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىك ۋاقتىدا ۋاسساللىق مەكتەپ جژداۋ گۇەندە ئوقۇغان. كېيىن ئەجنەبىيچە مەكتەپ — خەينەن خۇسۇسىي مەكتىپىدە ئوقۇغان. بەنخۇەن تۇيجۇ، فۇزې يۇيجې قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تەدرىجىي ھالدا ئەركىن خەلق ھوقۇقى تەرەپدارىغا ئايلىنىپ كەتكەن. 1877-يىلى «ئىرادە تىكلەش جەمئىيىتى» گە قاتنىشىپ، «ئىرادە تىكلەش جەمئىيىتىنىڭ تەشەببۇسنامىسى» نى يېزىپ چىققان. 1878-يىلى ياپونىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ نۇتۇق سۆزلەپ، ۋەتەننى سۆيۈش جەمئىيىتىنىڭ قايتا قۇرۇلۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1880-يىلى ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ تەييارلىق جەمئىيىتىنى تەشكىللىگەن. 1881-يىلى بەنفىڭ تۇيجۇگە ياردەملىشىپ، ئەركىنلىك پارتىيىسىنى قۇرغان. ئەركىنلىك پارتىيىسى 1884-يىلى تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. 1890-يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. بىر پالاتالىق پارلامېنت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقنىڭ ئىنقىلاب قىلىش ھوقۇقى بار دېگەندەك بۇرژۇئازىيە دېموكراتىزملىق ئىدىيىنى تەرغىپ قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى «خەلق ھوقۇقى ئەركىنلىكى توغرىسىدا»، «تەڭرى ئاتا قىلغان كىشىلىك ھوقۇقى ھەققىدە مۇنازىرە»، «بىر پالاتالىق پارلامېنت توغرىسىدا»، «ياپونىيە ئاياللىرى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

چىنا دىنى

  • چىنا دىنى[يەشمىسى:]Jainism) قەدىمكى ھىندىستاندا پەيدا بولغان دىن. ئۇنىڭ ئاساسچىسى ۋاردخامانا (Vardhamana). تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پاتالىپۇترا (ھازىرقى پاتنا) نىڭ شىمالىدىكى ۋايىسىيادا تۇغۇلغان، ساكيامونى بىلەن دەۋرداش، بەلكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇنراق ياشىغان بولسا كېرەك، شۇ چاغدىكى «ئالتە چوڭ ئۇستاز» نىڭ بىرى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ 30 يېشىدا ئۆيىدىن چىقىپ، 12 يىل قاتتىق بېرىلىپ ئۆگىنىپ، دىنىي ئۆلىما بولۇپ، «ماھاۋىرا» دەپ ئاتالغانىكەن، شۇنداقلا «چىنا» («غەلىبە قىلغۇچى») دەپ نام ئالغان. بۇددا نومىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىدىمۇ نىگەنزى ياكى نىجيەنزى دەپ ئاتالغان. يەنە رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى 23 بۇدساتۋا ئۆتكەنىكەن، ئۇ 24-سى ئىكەن. ۋاردخامانا ھەرقايسى جايلاردا 30 يىل دىن تارقىتىپ، 72 يېشىدا پاۋا(Pava)دا ئۆلگەن. چىنا دىنى بىلەن بۇددا دىنى بىرلا ۋاقىتتا ئەۋج ئالغان، بۇ دىن براخمان دىنىغا قارشى پىكىر ئېقىمىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ماددىي دۇنيا ۋە سانسىزلىغان روھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. «كارامەتنىڭ نۆۋەتلىشىشى» ۋە «سەۋەبىيەت جازاسى» تەلىماتىنى تەشەببۇس قىلغان، ماددىنىڭ ئۆلۈشى، روھنىڭ يۆتكىلىشىدۇر، روھ يۆتكەلگەن جاي ئۇنىڭ قىلمىشىنىڭ (سەۋەب) مۇكاپاتىدۇر. ياخشىلىققا ياخشىلىق، يامانلىققا يامانلىق مۇكاپاتلىنۇر، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ مۇرىتلىرى قاتتىق بېرىلىپ ئۆگىنىش ئارقىسىدا ماددىي دۇنيانىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، روھىي ئازادىلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە (سانساردىن قۇتۇلۇش) يېتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، «ئۈچ ئەنگۈشتەر» گە ئەمەل قىلىش، يەنى ھەقىقەتنى بىلىش، ھەقىقەتكە ئېتىقاد قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە ئاساسەن مۇنداق بەشنى قىلماسلىقنى ئادا قىلىش، يەنى: تىرىك جاننى ئۆلتۈرمەسلىك، يالغان ئېيتماسلىق، ئوغرىلىق قىلماسلىق، زىنا قىلماسلىق، تاپاۋەت قىلماسلىق كېرەك، دەپ قارىغان. ئۇ نەزىر-چىراغقا قارشى تۇرغان (تىرىك جاننى ئۆلتۈرمەسلىك) ۋە زاھىتلىقنى يولغا قويۇش چىنا دىنىنىڭ ئالاھىدىلىكى. ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى كالامى «ئون ئىككى سانگا». باشقا دىنلار بىلەن مۇنازىرىلىشىش داۋامىدا ھىندىستاننىڭ لوگىكا نەزەرىيىسى تەرەققىي قىلغان. مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىدە، «تۇغمىلار (يالىڭاچلار)» ۋە «ئاق كىيىملىكلەر» گە بۆلۈنگەن. ئوتتۇرا قەدىمكى زاماندا چىنا دىنى كەڭ تارقالغان، ھىندىستاندا ئۇنىڭ يەنىلا مەلۇم تەسىرى بار.

چىن شۇدۇ

  • چىن شۇدۇ[يەشمىسى:]؟ — 1264) ۋيېتنامنىڭ لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى ۋە چېن سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدىكى زالىم ۋەزىرى. ئەسلى لى سۇلالىسىنىڭ ئالدىنقى ئوردا قوماندانى بولۇپ، ئوردىدا چوڭ ھوقۇقنى ئىگىلەپ تۇرغان. 1225-يىلى ئۆزىنىڭ سەككىز ياشلىق جىيەن ئوغلى چېن جيۇڭ بىلەن لى سۇلالىسىنىڭ سەككىز ياشلىق ئايال پادىشاھى لى جاۋنىڭ تويىنى قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنە پادىشاھ لى جاۋنى تەختنى چېن جيۇڭغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ، چېن سۇلالىسىنى لى سۇلالىسىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. چېن شودۇغا تەخت ھامىيلىقى ئاتا قىلىنغان. ئۇ لى سۇلالىسىنىڭ سابىق پادىشاھى خۇيزۇڭ (لى شەن) ۋە ئۇنىڭ جەمەتلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، توپىلاڭنى تىنچىتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەدبىر قوللىنىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە راۋاجلاندۇرغان، ھەر خىل تۈزۈملەرنى تەرتىپكە سېلىپ، چېن سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىگەن.

چىن لۇەن (چىكا ئوسامۇ)

  • چىن لۇەن (چىكا ئوسامۇ)[يەشمىسى:]1173 — 1262) ياپونىيىدىكى بۇددا دىنى جىڭتۇجېن مەزھىپى (كېيىن يىشياڭ مەزھىپى دەپ ئاتالغان) نىڭ پېشۋاسى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا تىنو ئارىنۇرىنىڭ ئوغلى ئىكەن. كيوتودىكى ئۇجىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا دەسلەپتە نېلۇفەر بۇتخانىسىدا ئوقۇپ، ئىسمىنى فەن يەنگە ئۆزگەرتكەن. 1201-يىلى فارەننى ئۇستاز تۇتۇپ، جىڭتۇجېن مەزھىپىدىن تەلىم ئېلىپ، بۇتقا چوقۇنۇپ، پاك دۇنياغا تەلپۈنگەن. كېيىن كونا بۇددا مۇخلىسلىرىنىڭ زەربىسى تۈپەيلىدىن، 1207-يىلى يوخاغا (ھازىرقى نىگاتا) سۈرگۈن قىلىنغان، بۇ يەردە ئۆزىنى نە روھانىي، نە كىببارىي ئەمەس، پەقىر ئادەم دەپ ئاتىغان. تۆت يىلدىن كېيىن كەچۈرۈم قىلىنغان. زەردار سانزېنىڭ قىزى بىلەن توي قىلغان ھەمدە كانتونغا كۆچۈپ بېرىپ، جىڭتۇجىن مەزھىپىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنى تىرىشىپ تەتقىق قىلغان، دېھقانلار ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى سامۇرايلار ئارىسىدا دىن تارقاتقان. ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن «مۇخلىسلار ئەھكاملىرىدىن دەلىللەر» ناملىق 6 توملۇق كىتابى ھازىرغا قەدەر جىڭتۇجىن مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق دىنىي كىتابى بولۇپ قالغان. شۇڭا، تا ھازىرغا قەدەر ھەقىقىي مۇددەرىس دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

چىنلىق نەزەرىيىسى

  • چىنلىق نەزەرىيىسى[يەشمىسى:] «نومىنالىزم» غا قارالسۇن.

چياۋبېن زۇنېي (خاشى موتوساناي)

  • چياۋبېن زۇنېي (خاشى موتوساناي)[يەشمىسى:]1834 — 1859) ياپونىيىدىكى توكوگاۋا شوگونلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش تەرەپدارى. فۇكۇي ۋاسسالى. ئىسمى تسۇنان ئورى، خىرومىچى، لەقىمى جىڭيۈ. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ۋاسسالدىكى كۇڭزىچى كىچىتانى ئۇستاز تۇتقان. 1849-يىلى ئوگاتادىن غەربچە تىببىي ئىلىمنى ۋە گوللاندىيە ئىلمىنى ئۆگەنگەن. ۋاسسال دوختۇرى بولغان. 1854-يىلى ئېدوغا ئوقۇشقا بېرىپ، سۇگىتا نارىئاكىدىن گوللاندىيە ئىلمىنى ئۆگەنگەن. كېيىن (فۇكۇي) ۋاسسال مەكتىپىدە مۇپەتتىش بولۇپ، غەربچە مەكتەپ ئاچقان، ۋاسسال ھاكىمىيىتى ئىسلاھاتى يولىدا كۈچ چىقارغان، ۋاسسال ھاكىمى ماتسۇدايرا يوشىناگانىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. شوگنات ھاكىمىيىتىنى ئىسلاھ قىلىش، بىرلىككە كەلگەن دۆلەت قۇرۇش، سودا يوللىرىنى ئېچىش ۋە روسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1858-يىلنىڭ باشلىرىدا، ئامېرىكا «ياپونىيە-ئامېرىكا دوستلۇق سودا شەرتنامىسى» ئىمزالاشنى تەلەپ قىلغاندا، يوشىناگانىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن كيوتۇغا بېرىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، كيوتۇدىكى ئاقسۆڭەكلەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، تېننونىڭ شەرتنامىنى ئىمزالاش ھەققىدىكى تەستىقىنى ئالغان. شۇ يىلى توكوگاۋا يوشىنوبونىڭ سىياگۇنلۇققا ۋارىسلىق قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۆكتىچى ئىنائوتادا تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە («ئەنجېڭ چوڭ تۈرمىسى» گە) تاشلانغان، ئىككىنچى يىلى ئۆلتۈرۈلگەن.

چىيۇ (خاگى) توپىلىڭى

  • چىيۇ (خاگى) توپىلىڭى[يەشمىسى:] ياپونىيىنىڭ ياماگۇچى ناھىيىسىدىكى كونا ناگاسۇ ۋاسسالى فۇدىرا جەمەتىنىڭ يېڭىلىققا كۆچۈش ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق توپىلىڭى. مېيجى ھۆكۈمىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى ۋە لەشكىرىي پىرقىنىڭ يانداش ئامبىلى بولغان نائېخارا(1834— 1876) كىتوكوئىن بىلەن پىكىردە بىرلىككە كېلەلمىگەنلىكتىن، ئەمەلدارلىقتىن ئىستېپا بېرىپ، خاگى شەھىرىگە بېرىپ تەركىدۇنيا بولۇپ ياشىغان. ئۇ كۇماموتودىكى كامائىكازې توپىلىڭى ۋە فۇكۇئوكادىكى كۈز پەسلى توپىلىڭىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، 1876-يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى خاگى شەھىرىدە 150 رىتسارغا باشچىلىق قىلىپ توپىلاڭ كۆتۈرگەن. كۆپچىلىككە تەڭ كېلەلمەي، 11-ئاينىڭ 6-كۈنى خروسىمانىڭ باسقاقبېگى ئەۋەتكەن ئەسكەرلەر تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ، نائېخارا باشلىق سەككىز كىشى ئۆلتۈرۈلگەن، 64 كىشى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.