ج🔗

ج

جابىر ئىبنى ھاييان

جاجا

جازانامە

جاسۇسلارنى جازالاش قانۇنى

جاكچۇس روكىس

جاككۇس قوزغىلىڭى

جاگىر

جاگىردار

جاڭ باۋگاۋ

جاڭ دىڭنىڭ فرانسىيىگە قارشى كۈرىشى

جاڭشىنىڭ ئايال پادىشاھى

جاڭگالا دۆلىتى

جاڭ ۋېنتەن

جالالىددىن رۇمى

جامائەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى

جامائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىش تاشلاش قانۇنى

جامائەت مەنپەئىتى ئىتتىپاقى

جامال پاشا

جامبۇل

جامبى

جامېس

جامېس

جامېس

جاھاندارلىق

جاھان خەرىتىسى

جاھانگىر

جاۋۇپ دۆلەتلىرى

جاياۋارمانⅡ

جاياۋارمانⅤ

جاياۋارمانⅦ

جەڭگىۋار فرانسىيە

جەلدى-جەۋەڭلەر قوزغىلىڭى

جەمەت

جەمەت جەمئىيىتى

جەمئىيەتكە كىرىش مۇراسىمى

جەنۇب بىلەن شىمال ئۇرۇشى

جەنۇب جەمئىيىتى

جەنۇب ئىتتىپاقى

جەنۇبتىكى قەبىلە ئىتتىپاقى

جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش سىياسىتى

جەنۇبىي ئالپ تېغى جۇمھۇرىيىتى

جەنۇبىي ئافرىقا قانۇن لايىھىسى

جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقى

جەنۇبىي تىنچ ئوكيان كومىتېتى

جەنۇبىي روسىيە ئىشچىلار جەمئىيىتى

جەنۇبىي قۇتۇپ شەرتنامىسى

جەنۋە كېلىشىمنامىسى

جەنۋە كېلىشىمى

جەنۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنى

جەنۋە يىغىنى

جەيتېڭشى

جەيھۇن

جوئاۋⅠ

جوئاۋⅡ

جوئاۋⅣ

جوئاۋⅤ

جوسېفⅠ

جوسېفⅡ

جوسېف بوناپارت

جوسېف فلاۋې

جۇڭچى باج-سېلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى

جون

جون بروۋن قوزغىلىڭى

جونسون

جونسۇن

جون كالا

جون كاي

جون لاۋ

جونسون

جونېس

جونېس قانۇنى

جوئۇل

جوئېئى نىزامى

جۇئارىز

جۇئانⅡ

جۇبا دۆلىتى

جۇخۇ

جۇسې دې كۇئېروز

جۇغراپىيىۋى زور بايقاش

جۇففرې

جۇڭقۇرۇش مەھكىمىسى

جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتاب

جۇڭگوشۇناسلىق

جۇلىئېن

جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇنجى يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن

جۇمھۇرىيەتنىڭ سەككىزىنچى يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن

جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۈچىنچى يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن

جۇمېڭ

جۇنىن جېڭى

جۇھور دۆلىتى

جۇۋۇجىن نەنشيۇڭ (ئىنوماتا تسۇنائو)

جۇۋېنال

جۆخەي جۇڭجىن (تارۇمى ئاتارۇتسۇ)

جۈپ نىكاھلىق ئۇرۇقداشلىق

جۈچى دالۇ (كىكۇچى ئوكىكازۇ)

جۈچىكۈەن (كىكۇچى ئوكى)

جۈۋىنداۋ ئارىلى ۋەقەسى

جېئاننې دىئارك

جېتاۋانا-ۋىخارا

جېرومې

جېرومىي بوناپارت

جېففېرسون

جېڭ سې، جېڭ ئېر قوزغىلىڭى

جېكسون

جېك لوندون

جېمدېت ناسىۋ مەدەنىيىتى

جېنچىشىن سەنلاڭ (ماگاساكى جىنزاپۇرو)

جېنخەي

جېنسېن

جېن شۈەن

جېن شىڭۋاڭ

جېنلىفو دۆلىتى

جېنمۇ باۋچېن (ساناگى ياسوئۇمى)

جېنناد يارك

جيۇباۋسەن (كۇبوياما) ۋەقەسى

جىزيا

جىسكا

جىسمانىي جەھەتتىن قوغداش قانۇنى

جىفۇ (چىچىبۇ) ۋەقەسى

جىلۈن

جىڭدېۋاڭ

جىمېنېس

جىندەن، ساۋجۇڭ قوزغىلىڭى

جىنتىيەن زويۇجى (سۇكۇدا سايۇكىچى)

جىنجۇ

جىن جېڭخاۋ

جىنچىلار قوزغىلىڭى

جىن خەيبېي قەبرىستانلىقى

جىن خۇڭجى

جىن سۇڭ

جىن شىڭجۇ

جىن شىمىن

جىن شياۋيۈەن

جىن فوشى

جىن كۈيجى

جىنلىڭ بەگلىكى

جىن مىڭجو

جىنناھ

جىن يۇجۇن

جىن يۇشىن

جىن يۇنجى

جىۋۇپۇ شەرتنامىسى

جې ليەن (ساكاي خىكو)

جياشېن سىياسىي ئۆزگىرىشى

جياڭ خەنزەن

جياۋۇ دېھقانلار ئۇرۇشى

جياۋۇ ئىسلاھاتى

جيەنجېن

جيۇخۇ تەيزى (ئۇماياتوشى دايگو)

ئىزاھى

جابىر ئىبنى ھاييان

  • جابىر ئىبنى ھاييان[يەشمىسى:]Jabir ibn Hayyan، Ⅸ - Ⅷ ئەسىر) ياۋروپالىقلار گېبېر (Geber) دەپ ئاتايدۇ. ئەرەب خىمىيە ئالىمى. ئۆمۈر بويى ئالخىمىيە تەتقىق قىلغان. تەجرىبىگە ئەھمىيەت بېرىپ، دېستىللەش، سۇبلىماتسىيە، سۇيۇقلاندۇرۇش ۋە كرىستاللاشتۇرۇش قاتارلىق تەجرىبە ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتىپ، خىمىيە نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان. ئۇ، بارلىق ئېلېمېنتلار گۈڭگۈرت بىلەن سىمابنىڭ خىمىيىلىك بىرىكمىسى، ھەر خىل ئېلېمېنتلاردا گۈڭگۈرت بىلەن سىمابنىڭ نىسبىتى ۋە ساپلىقى ئوخشاش بولمايدۇ، دەپ قارىغان؛ سىرلىق ماددىلارنى ۋاسىتىچى قىلىش ئارقىلىق قوغۇشۇن، قەلەي، مىس ۋە تۆمۈر قاتارلىق ئادەتتىكى ئېلېمېنتلارنى ئالتۇن بىلەن كۈمۈش قىلىپ تاۋلاپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ باققان. ھاييان تۈزىتىش كىرگۈزگەن ئارىستوتېلنىڭ ئېلېمېنتلار تەركىبى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسى ⅩⅧ ئەسىرگىچە تارقىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ «شەرق سىماپى» قاتارلىق كىتابلىرى بار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى Ⅻ ئەسىرگە كەلگەندە لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ياۋروپا خىمىيىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

جاجا

  • جاجا[يەشمىسى:]Jaja، 1981 - 1281) نېگىرىيە ئوپوبو (Opobo) شەھەر بەگلىكىنىڭ پادىشاھى. كېلىپ چىقىشى قۇل. 12 يېشىدا بوننىيدىكى (Bonny) بىر سودا سارىيىغا سېتىلىپ سودىگەرچىلىك قىلغان، 1863-يىلى مەزكۇر سودا سارىيىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ سايلانغان. 1865-يىلى ئوپوبودا يېڭى سودا شەھەر بەگلىكى قۇرغان. 1870-يىلى ئوپوبودا يېڭى سودا شەھەر بەگلىكى قۇرغان. 1870-يىلى پادىشاھ بولغان، 1873-يىلى ئەنگلىيە ئۇنى ئېتىراپ قىلغان. 1875-يىلى ئەسكەر چىقىرىپ ئەنگلىيىنىڭ ئاسانتېغا ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەملەشكەن. 80-يىللاردا، ئەنگلىيىنىڭ نېگىرىيىنىڭ جەنۇبىغا كېڭەيمىچىلىك قىلىشىغا قارشى تۇرغان، ئەنگلىيە سودىگەرلىرىنىڭ «ئەركىن سودا قىلىش» ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمىغان، سودا يوللىرىنى قامال قىلغان. 1887-يىلى شەرقىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىغا سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن ۋەتىنىگە قايتىش سەپىرىدە ئۆلگەن.

جازانامە

  • جازانامە[يەشمىسى:] ۋيېتنامنىڭ تۇنجى سىستېمىلىق يازما قانۇنى. لى تەيزۇڭ زامانىدا، ئالدىنقىلارنىڭ جازا بېرىشىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ھۆدەيچىگە قانۇن-پەرمانلارنى تەھرىرلەپ ۋە بېكىتىپ، يېڭى ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئېلىپ، جازانامە تۈزۈپ چىقىش بۇيرۇلۇپ، 1042-يىلى ئېلان قىلىنغان. كىتابنىڭ ئەسلى تېكىستى يوقاپ كەتكەن. جازانامىدە قاراقچى، ئوغرى، ئەسكەرلىكتىن قاچقانلار توغرىسىدا جازا بەلگىلەنگەن، پۇل تۆلەپ جىنايىتىنى يۇيۇشقا يول قويۇلغان؛ قۇللارنى ئېلىپ-سېتىش ۋە قۇلنىڭ سانىغا چەك قويۇلغان. فېئودال-پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ مەنپەئىتى قوغدىلىپ، شۇ چاغدىكى جازا بېرىشتىكى قالايمىقانچىلىقلارنى تۈگىتىش ۋە قۇللۇق تۈزۈمنىڭ قالدۇقىنى يوق قىلىشتا بەلگىلىك رول ئوينىغان.

جاسۇسلارنى جازالاش قانۇنى

  • جاسۇسلارنى جازالاش قانۇنى[يەشمىسى:] بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىدا تۈزۈلگەن قانۇن. 1917-يىلى 6-ئايدا ئېلان قىلىنغان. بۇ قانۇندا دۆلەت ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرغان مەزگىلدە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكىتىگە ۋە غەلىبە قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، غەرەزلىك ھالدا يالغان خەۋەر ۋە باياناتلارنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلار ياكى تارقاتقانلار؛ ئەسكەر ئېلىشقا قارشى تۇرغانلار، ھەربىي خىزمەت ئۆتەشنى رەت قىلغانلار، ئەسكەر ئالغۇچى خادىملارنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلغان ۋە ئارمىيە بىلەن دۆلەتنى ھاقارەتلىگەنلەرگە 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويۇلىدۇ ۋە 20 يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 1918-يىلى 5-ئايدا تۈزىتىش لايىھىسى ماقۇللانغان، بۇ لايىھىدە 3-ماددىنىڭ مەزمۇنى كېڭەيتىلىپ، «ئامېرىكىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى، ئاساسىي قانۇنى، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى، دۆلەت بايرىقى ياكى دېڭىز ئارمىيە ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە فورمىلىرى»غا قارشى نۇتۇق ئوقۇغان، بروشيورىلارنى يازغان، ئېلان قىلغان، باسقانلار ۋە «ئۇرۇش لازىمەتلىرىنى ئازايتىشنى چاقىرىق قىلغان» لار بىردەك بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن نامدا گېرمانىيىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىشچىلار ھەرىكىتىنى ۋە ئىلغار زاتلارنى باستۇرۇشقىمۇ قوللىنىلغان.

جاكچۇس روكىس

  • جاكچۇس روكىس[يەشمىسى:]Jacquesroux، 2591 - 4971) ياكچۇس روكىس دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى «سەۋدايىلار مەزھىپى» نىڭ داھىيسى. پەلسەپە، فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1785-يىلدىن باشلاپ پوپ بولغان. 1789-يىلى ئىنقىلاب باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا پارىژغا كېلىپ، يالاڭتۆشلەرگە دېموكراتىك ئىدىيىنى تەشۋىق قىلغان. كېيىن كوردېلېرىس كۇلۇبىغا قاتناشقان. 1792-يىلى پارىژ كوممۇنىسىغا ئەزا بولۇپ سايلانغان. 1793-يىلى 2-ئايدا، پارىژ ئاشلىق قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان، 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە بولغان قوزغىلاڭغا قاتناشقان. ياكۇبىن ھاكىمىيىتى تىكلەنگەندىن كېيىن، 1793-يىلى ئاساسىي قانۇنغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، خەلق ئۇيۇشمىسىنى نامراتلارنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن. مارات ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، يەنى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى «خەلقنىڭ دوستى، مارات پاناھلىقى ئاستىدىكى فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى سىياسىي ئوبزورچىلىرى» ناملىق گېزىتنى چىقىرىپ، «سەۋدايىلار مەزھىپى نىڭ ئىدىيىلىرىنى تەشۋىق قىلغان. روبېس پيېررې ئۇنى چەت ئەلنىڭ گۇماشتىسى، ئەكسىلئىنقىلابچى دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي پارىژ كوممۇنىسىدىن ھەم كوردېلېرىس كۇلۇبىدىن قوغلانغان. 8-ئايدا ۋە 9-ئايدا ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنغان، كېيىن تۈرمىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

جاككۇس قوزغىلىڭى

  • جاككۇس قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] 1358-يىلدىكى فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى دېھقانلارنىڭ فېئوداللىققا قارشى قوزغىلىڭى. ئاقسۆڭەكلەر دېھقانلارنى كەمسىتىپ «جاككۇس»(Jacques Bonhomme)، «سەھرالىق» دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغانلىقىدىن قوزغىلاڭمۇ شۇنداق ئاتالغان. ⅩⅢ، ⅩⅣ ئەسىرلەردىكى فرانسىيىدە يەر ئىجارىسىگە پۇل تۆلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، فېئوداللار پۇل قوغلىشىپ دېھقانلارغا بولغان ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن. يۈز يىللىق ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن ئېغىر ئالۋان-ياساق، ھەرخىل باج-سېلىقلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، ئەنگلىيە، فرانسىيە ياللانما قوشۇنلىرىنىڭ خالىغانچە تالان-تاراج قىلىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 1348-يىلقى چۇما كېسىلىنىڭ يامراپ كېتىشى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى جىددىي يامانلاشتۇرۇۋەتكەن. فرانسىيە كورۇلى جونⅡ ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن، شاھزادە چارلېس (كېيىنكى فرانسىيە كورۇلى چارلېسⅤ)نىڭ دېھقانلاردىن نورمىدىن سىرت ھاشار يىغىشى قوزغىلاڭنىڭ پىلتىسى بولۇپ قالغان. 1358-يىلى 5-ئايدا بېئاۋايس (Beauvais، پارىژنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا) رايونىدا قوزغىلاڭ پارتلاپ، ھەمدە تېز سۈرئەت بىلەن فرانىس، پىكاردى (Picardy) ۋە كامپاگىن قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيگەن. قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبىرى، دېھقاندىن كېلىپ چىققان، ھەربىي تەجرىبىسى مول گۇيىللام كالې (Guillaum Cale). قاتناشقۇچىلار دېھقانلاردىن باشقا يەنە شەھەر ئاھالىلىرى، ئاددىي رىتسارلار ۋە يېزا پوپلىرى بولۇپ، ئومۇمىي ئادەم سانى يىلنامىلەردە خاتىرىلىنىشىچە يۈز مىڭغا يەتكەن. قوزغىلاڭنىڭ ئېنىق پروگراممىسى يوق بولۇپ، شوئارى «بارلىق ئاقسۆڭەكلەرنى يوقىتىش»تىن ئىبارەت. قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ بايرىقىغا كورۇل گېربى بولغان پىيازگۈلنىڭ سۈرىتى سىزىلغانلىقى ئۇلارنىڭ پادىشاھقا نىسبەتەن خام خىيالدا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. قوزغىلاڭچىلار بارغانلىكى يەردە ئاقسۆڭەكلەرنى ئۆلتۈرۈپ، قەلئەلەرگە ئوت قويۇپ، فېئوداللىق يەر خەتلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. قوزغىلاڭچى دېھقانلار يەنە پارىژ خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىغا ياردەم بەرگەن. ساراسىمىگە چۈشكەن ئاقسۆڭەكلەر فرانسىيە پادىشاھلىقىنى تەمە قىلىپ يۈرگەن ناۋاررا كورۇلى چارلېس (ياۋۇز) نىڭ باشچىلىقىدا مىڭلاپ رىتسارنى تەشكىللەپ قوزغىلاڭچىلارنى قىستاپ كەلگەن. 1358-يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىككى قوشۇن مېلو بازىرىدا تىركىشىپ قالغاندا چارلېس (ياۋۇز) سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. گۇيىللام كالې قەتئىيلىك بىلەن ئۇچرىشىشقا بارغاندا، شۇ ھامان تۈرمىگە تاشلانغان. كەينىدىنلا ئاقسۆڭەك قوراللىق كۈچلىرى قوزغىلاڭچى دېھقانلاردىن يىگىرمە مىڭ ئادەمنى قىرىپ تاشلىغان. گۇيىللام كالېمۇ ئۆلتۈرۈلگەن. قوزغىلاڭ گەرچە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن فرانسىيە دېھقانلىرىنىڭ بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتىن قۇتۇلۇشىغا ياردىمى چوڭ بولغان.

جاگىر

  • جاگىر[يەشمىسى:]Jagir) ئوتتۇرا ئەسىزدىكى ھىندىستاننىڭ ھەربىي سۇيۇرغال يەرلىرى. دەسلەپ ⅩⅢ ئەسىردە دېھلى سۇلتانلىقى مەزگىلىدە مەيدانغا كەلگەن. بۇنداق يەرلەر نامدا دۆلەتكە تەۋە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ سۇلتانغا بىۋاسىتە قارايدىغان يەر مۈلكى پەقەت ئاز بىر قىسمىنىلا ئىگىلەيتتى، كۆپ قىسمى «جاگىر» سۈپىتىدە ئاقسۆڭەكلەرگە بۆلۈپ بېرىۋېتىلگەن. بۇنىڭغا ئېرىشكەنلەر «جاگىردار» دەپ ئاتالغان. جاگىرغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئىگىلىرى پەقەت ئۆز سۇيۇرغال يەرلىرىدىن ئىجارە بېجى ئېلىش ھوقۇقىدىنلا بەھرىمەن بولالايدۇ ھەمدە يېرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ مۇناسىپ ساندا ئاتلىق ئەسكەر تەيىنلەپ، چاقىرىققا بىنائەن جەڭگە ئاتلىنىشقا ھەرقاچان تەييار تۇرىدۇ. موغۇل ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدە بۇ تۈزۈم داۋاملىق ساقلاپ قېلىنىپ، ئىمپېرىيىنىڭ فېئودال يەر ئىگىدارچىلىقىنىڭ ئاساسىي شەكلى بولۇپ قالغان. ئىمپېرىيىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ جاگىر يەرلەرمۇ بارا-بارا مىراس قالىدىغان سۇيۇرغال يەرلەرگە ئايلىنىپ كەتكەن. 

جاگىردار

  • جاگىردار[يەشمىسى:]Jagirdar) ئوتتۇرا ئەسىرىدىكى ھىندىستان ھەربىي سۇيۇرغال يەرلەر (جاگىر) نىڭ ئىگىلىرى.

جاڭ باۋگاۋ

  • جاڭ باۋگاۋ[يەشمىسى:] يەنى «گوڭ فۇ».

جاڭ دىڭنىڭ فرانسىيىگە قارشى كۈرىشى

  • جاڭ دىڭنىڭ فرانسىيىگە قارشى كۈرىشى[يەشمىسى:] جەنۇبىي ۋيېتنام خەلقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى فرانسىيىگە قارشى كۈرىشى. بۇ كۈرەشكە جاڭ دىڭ (4681 - 0281) رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ ئەسلى كۇاڭيىنىڭ پىڭشەن دېگەن يېرىدىن، ئاتىسى جياڭ دىڭنىڭ لەشكەر بېشى بولغاندا جەنۇبقا كۆچۈپ كەلگەن. كېيىن ئۇ مۇئاۋىن لەشكەر بېشى ۋە لەشكەر بېشى بولغان. 2681 - 8581-يىللىرى فرانسىيە ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1860-يىلى ئۇ ئىگۇڭ، تەنئەندە لەشكەر تارتىپ فرانسىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغاچقا، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇپ، فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قاتتىق زەربە بەرگەن. 1862-يىلى رۇەن سۇلالىسى تەسلىم بولۇپ، فرانسىيە بىلەن تۇنجى «سايگون شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان ھەمدە پىدائىيلار قوشۇنىنى تارقىتىۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇنى ئان گياڭغا يۆتكىگەن. ۋەتەنپەرۋەر ئارمىيە ۋە خەلقلەر ئۇنى قەتئىي ئېلىپ قېلىپ، غەربنى تىنچىتىش سەردارى قىلغان. ئۇ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا داۋاملىق رەھبەرلىك قىلىپ، تاجاۋۇزچىلارغا زەربە بەرگەن. كۈرەشنى ئۈچ يىل داۋاملاشتۇرغان. 1864-يىلى 8-ئايدا خائىننىڭ مەخپىي مەلۇم قىلىشى بىلەن قۇربان بولغان. پىدائىيلار قوشۇنى پارچىلانغان، كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى جاڭ جۇەن ۋيېتنام-كامبودژا چېگرىسىدا فرانسىيىگە داۋاملىق قارشى تۇرۇپ، كۈرەشنى 1870-يىلىغىچە داۋاملاشتۇرغان. 

جاڭشىنىڭ ئايال پادىشاھى

  • جاڭشىنىڭ ئايال پادىشاھى[يەشمىسى:] يەنى «لاكسىمى باي»غا قاراڭ.

جاڭگالا دۆلىتى

  • جاڭگالا دۆلىتى[يەشمىسى:]Janggala) ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. «كادىرى دۆلىتى» گە قارالسۇن.

جاڭ ۋېنتەن

  • جاڭ ۋېنتەن[يەشمىسى:] يەنى «خۇاڭ خۇاتەن».

جالالىددىن رۇمى

  • جالالىددىن رۇمى[يەشمىسى:]Jalal al din Rumi، 3721 - 7021) ئىرانلىق سوفىستىك شائىر، ئىسلام دىنىنىڭ سوفىزم مەۋلىۋى مەزھىپىنىڭ (Mawlawiyah) نىڭ ئاساس سالغۇچىسى. بەلخ (Balkh، ھازىرقى ئافغانىستاندا) تە تۇغۇلغان. كېيىن ئائىلىسى بىلەن غەربكە كۆچۈپ، تەخمىنەن 1226-يىلى كىچىك ئاسىيا رۇم سۇلتانلىقىنىڭ پايتەختى كونيا شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان. 1230-يىلى دادىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شۇ جايدا ئوقۇتقۇچى بولغان. سوفىزم پېشۋاسى شەمشىددىن تەبرىزى (Shams al din Tabrizi، 7421 - ?) نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، سىرلىقلاشتۇرمىچىلىقنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان. ئۆز ئەسەرلىرىنى پارىسچە يازغان. ئۇنىڭ ئاتاقلىق ئەسىرى 6 توملوق باياننامە داستان «مەسنەۋىي» («پەند-نەسىھەت») بىر قاتار مەسەل شېئىرىي چۆچەكلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، سىرلىقلاشتۇرمىچىلىق كۆز قارىشىنى تەرغىب قىلغان. بۇ ئەسەر سوفىزمنىڭ «قۇرئان» ى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇستازى شەمشىددىنگە ئاتىغان لىرىك شېئىرلار توپلىمى قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

جامائەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى

  • جامائەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى[يەشمىسى:] يەنى «ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتى».

جامائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىش تاشلاش قانۇنى

  • جامائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىش تاشلاش قانۇنى[يەشمىسى:] 1909-يىلى ياش تۈركىيە پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئىشچىلار بىلەن كاپىتالىستلار ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش پەرمانى. ئۇنىڭدا: ئىشچىلار ئىش تاشلاشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمەتتىن كېلىشتۈرۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. 1910 — 1911-يىللىرى ياش تۈركىيە پارتىيىسى ھۆكۈمىتى مۇشۇ قانۇننى تەتبىقلاپ، ئىشچىلارنىڭ كۆپ قېتىملىق ئىش تاشلىشىنى باستۇرغان. 1913-يىلدىن كېيىن ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ بارلىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى تارقىتىۋېتىلگەن. 

جامائەت مەنپەئىتى ئىتتىپاقى

  • جامائەت مەنپەئىتى ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] 1464-يىلى فرانسىيىدىكى چوڭ فېئوداللار قۇرغان ئىتتىپاق بولۇپ، فرانسىيە كورۇلى لۇئى Ⅺ نىڭ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇ ئىتتىپاققا بۇرگۇند گېرتسوگى، برىتان گېرتسوگى قاتارلىقلار قاتناشقان. بۇرگۇند گېرتسوگى چارلېس (چوڭ يۈرەك) باشچىلىق قىلغان. ئىتتىپاق ئۆزلىرىنى «جامائەت مەنپەئىتى»نى قوغدىغۇچىلار دەۋالغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1465-يىلى لۇئى Ⅺ ھەربىي ھەرىكەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، ئىتتىپاق بىلەن سۈلھ تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ، مەلۇم جەھەتلەردىن يول قويغان. مەسىلەن: سوممې (Somme) دەرياسىنىڭ (فرانسىيىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە) بويىدىكى شەھەرلەرنى چارلېس (چوڭ يۈرەك) قا بۆلۈپ بەرگەن. كېيىن لۇئى Ⅺ سۆھبەتلىشىش، سېتىۋېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئىتتىپاقنى پارچىلىغان. 1477-يىلى فرانسىيە شۋېتسارىيە بىلەن لتررىن بىرلەشمە ئارمىيىسىنى قوللاپ، چارلېسنى (چوڭ يۈرەك) مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

جامال پاشا

  • جامال پاشا[يەشمىسى:]Djemal Pasha، 2291 - 3781) 8191 - 3191-يىللىرىدىكى ياش تۈركىيە پارتىيىسىدىكى «ئۈچ كاتتىباش دىكتاتور»نىڭ بىرى. ھەربىي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. ئىلگىرى ئىستانبۇل قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرۈپ، ياش تۈركىيە پارتىيىسىگە كىرگەن. 1913-يىلى ياش تۈركىيە پارتىيىسى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغپ ھوقۇقنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى ۋە ئىستانبۇل قوشۇنىنىڭ قوماندانى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىللىرى ئەنۋەر پاشا، تالات پاشا بىلەن بىرلىكتە گېرمانپەرەس سىياسەتنى ئىجرا قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سۈرىيىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي ئىشلار ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلىنىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ماسلىشىپ جەڭ قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيىگە قېچىپ كەتكەن، كېيىن يەنە روسىيىگە بارغان. 1922-يىلى تىبلىستا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن.

جامبۇل

  • جامبۇل[يەشمىسى:]Джамбул Джабаев، 5491 - 6481) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق قازاق ئاقىنى. نامرات چارۋىچى ئائىلىدە تۇغۇلغان. 14 يېشىدىن باشلاپ ئۆلەن ئېيتىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن تۇنجى تۈركۈمدە كولخوزغا قاتناشقان ھەمدە قازاقىستان رېسپوبلىكىسى ئالىي سوۋېتىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى شېئىرلىرىدىن «قىدىرباينىڭ ئىتى»، «غەزەپ ناخشىسى» ۋە «ئۆزگىن باتۇر» قاتارلىقلار بولۇپ، بۇنىڭدا قازاق ئەمگەكچى خەلقىنىڭ ئىدىيە، ئۈمىد-ئارزۇ، تۇرمۇشى ۋە كۈرەش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. سوۋېت ھاكىمىيىتى دەۋرىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ۋەتىنىم»، «قوراللانغان خەلق» ناملىق داستانلارنى؛ «ئۆكتەبرگە مەدھىيە»، «لېنىن بىلەن ستالىن» قاتارلىق ناخشىلارنى يېزىپ، داھىي، ئۆكتەبر ئىنقىلابى ۋە سوتسىيالىستىك يېڭى ھاياتنى كۈيلىگەن. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە «لېنىنگرادلىقلار، مېنىڭ ئوغلۇم»، «موسكۋاغا بېغىشلايمەن»، «ۋەتەن بۇيرۇقى» قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، فاشىست تاجاۋۇزچىلارنى پاش قىلىپ، خەلقنىڭ ۋەتەننى قوغداش يولىدا ئۆزىنى پىدا قىلىشىغا ئىلھام بەرگەن.

جامبى

  • جامبى[يەشمىسى:]Djambi) ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى شەھەر. ھازىرقى سۇماترا ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى جەنپى شەھىرى. ئەسلىدە مالايۇ دۆلىتىگە تەۋە بولۇپ، كېيىن سىرىۋىجايانىڭ زېمىنىغا قوشۇۋېلىنغان ھەمدە بۇ دۆلەتنىڭ پايتەختى قىلىنغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مارجاپاخىت دۆلىتى تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنغان. ⅩⅦ ئەسىردە ماداران دۆلىتى (ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان دۆلەت) گە تەۋە بولغان. 1916-يىلى گوللاندىيە بېسىۋالغان.

جامېس

  • جامېس[يەشمىسى:] (1) ۋىليام جامېس (William jamws، 0191 - 2481)، ئامېرىكىلىق ئىدېئالىست پەيلاسوپ ۋە پسىخولوگ، سۇيىئىستېمالچىلىق تەرەپدارى، فۇنكسىيە پسىخولوگىيىسىنىڭ ئاساسچىسى. نيۇ-يورك شەھىرىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ياۋروپادا تۇرغان. 1861-يىلى خارۋارد داشۆسىنىڭ تىببىي ئىنستىتۇتىغا كىرگەن. 1865-يىلى ئوقۇشنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇپ، «ئامازون دەرياسىنى ئىلمىي كېزىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى» گە قاتناشقان. كېيىن مەكتىپىگە قايتىپ كېلىپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان ۋە 1869-يىلى پۈتتۈرگەن. 1872-يىلى خارۋارد داشۆسىنىڭ فىزىئولوگىيە لېكتورى بولغان، 1881 — 1907-يىللاردا پەلسەپە ۋە پسىخولوگىيە پروفېسسورى بولغان. ئامېرىكىدىكى تۇنجى پسىخولوگىيە تەجرىبىخانىسىنى بەرپا قىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا دىننى قوغداشنى ئاشكارا تەشەببۇس قىلىپ، «ئېتىقاد ئىرادىسى» نى تەرغىپ قىلغان. يەنە «ئۈزۈل-كېسىل تەجرىبىچىلىك نەزەرىيىسى»نى بەرپا قىلىپ، «ساپ تەجرىبە» ياكى سۇبيېكتىپ تەجرىبىدىن باشقا ھەرقانداق ئەمەلىي نەرسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان. ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى «پايدىسى بولغان»، «ئوڭايلىق تۇغدۇرغان» ئۈنۈمدىن ئىبارەت، دەپ قارىغان. بەدەن ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كەيپىيات نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزگىرىشچان ئاڭ ئېقىمى تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىرادىچىلىكنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە پەنگە قارشى «جىن-شەيتانلار تەتقىقاتى»نى قوللىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى «ئېتىقاتنىڭ ئىرادىسى»، «پسىخولوگىيە قائىدىلىرى، «سۇيىئىستېمالچىلىق»، «ھەقىقەتنىڭ مەزمۇنى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. (2) ھېنرى جامېس (Henry James، 1843 — 1916)، ئامېرىكىلىق يازغۇچى. ۋىليام جامېسنىڭ ئۇكىسى. نيۇ-يورك شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1862-يىلى خارۋارد داشۆسىنىڭ قانۇن ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇغان. تەخمىنەن 1864 يىلى يېزىقچىلىقنى باشلىغان. ياۋروپادا كۆپ قېتىم ساياھەت قىلغان. ئەسەرلىرىنى كۆپىنچە «ئاتلانتا ئايلىق ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلغان. 1876-يىلى لوندوندا ئولتۇراقلاشقان، ئۆمۈر بويى تۇرمۇش قۇرمىغان. 1915-يىلى ئەنگلىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرگەن. ياۋروپا مەدەنىيىتىگە چوقۇنغان، ئەسەرلىرىدە رىيالىستىك تۈس بولۇپ، مۇھىت، ۋەقەلىك ۋە پىرسوناژلارنىڭ پسىخولوگىيىسىنى ئورگانىك ھالدا بىر گەۋدە قىلىپ قوشۇۋېتەلىگەن، ئەمما شەكىلنى قوغلاشقان. ئەسەرلىرىنىڭ تولىسىدا ياۋروپا ئاقسۆڭەكلىرى، بۇرژۇئازىيىسىنى تەسۋىرلىگەن ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانى سېلىشتۇرغان. ئاڭ ئېقىمى ھىكايىلىرىغا بىرقەدەر زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرى «ئېسىلزادە خېنىمنىڭ رەسىمى»، «كەپتەر قانىتى»، «ئەلچىلەر»، «ئالتۇن تاۋاق» قاتارلىق رومانلار، «فرانسىيە شائىرلىرى ۋە يازغۇچىلىرى»، «ھوساڭ توغرىسىدا» قاتارلىق ئەدەبىي ئوبزور قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

جامېس

  • جامېس[يەشمىسى:] Ⅰ (James I، 5261 - 6651)، شۇتلاندىيە كورۇلى(1567— 1625) ۋە ئەنگلىيە كورۇلى (1603 — 1625) ئانىسى شوتلاندىيىنىڭ كورۇلىۋاسى مارى ستۇئارت. 1567-يىلى ئانىسى تەختتىن چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، شوتلاندىيىنىڭ كورۇللۇق تەختىگە ئولتۇرۇپ، جامېس Ⅵ دەپ ئاتالغان. 1603-يىلى ئەنگلىيە كورۇلىۋاسى ئېلىزابىتا Ⅰ ئۆلۈپ، تەخت ۋارىسى ئۈزۈلۈپ قالغاندا، ئۇ ئەنگلىيە كورۇللۇق تەختىگە قوشۇمچە ۋارىسلىق قىلىپ، جامېس Ⅰ دەپ ئاتالغان، شۇنىڭ بىلەن ستۇئارت سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان. ئەنگلىيە بىلەن شوتلاندىيە گەرچە بىر كورۇلغا قارىسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي تۈردە قوشۇلۇپ كەتمىگەن. مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ،خۇدا ھەققىدە سۆز چۆچەك قىلىش خۇداغا بىھۈرمەتلىك قىلغانلىق بولىدۇ، كورۇل ئۈستىدە سۆز-چۆچەك قىلىش ئاسىيلىق قىلغانلىق بولىدۇ، دەپ جاكارلاپ، پادىشاھنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بىلەن پارلامېنتنىڭ ئۈستىگە قويغان؛ ئەنگلىيە دۆلەت دىنىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قوغداپ، پۇرىتانىستلار (كالۋىن دىنىنىڭ مۇرىتلىرى) غا زىيانكەشلىك قىلغان؛ مالىيە قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، پارلامېنتتىن ئۆتكۈزمەيلا بىۋاسىتە يېڭى باج ئېلىپ، چېگرا بېجىنى ئۆستۈرگەن ھەمدە مەجبۇرىي ھالدا زايوم تارقاتقان. سىرتقا قارىتا، 1604-يىلى ئەنگلىيىنىڭ كۈچلۈك دۈشمىنى ئىسپانىيە بىلەن سۈلھ قىلىشقان. شۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بولغان زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشىنى تېزلەشتۈرگەن.

جامېس

  • جامېس[يەشمىسى:] Ⅱ(JamesⅡ، 1633 — 1701)، ئەنگلىيە كورۇلى (1985 — 1688). چارلېس Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختكە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى يورك كىنەزى بولغان. ئەنگلىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە، 1646-يىلى قوشۇنىنى باشلاپ پارلامېنتقا تەسلىم بولغان. 1648-يىلى ياۋروپا قۇرۇقلۇقىغا قېچىپ بېرىپ، فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە ئارمىيىلىرىدە ھەربىي خىزمەت قىلغان، 1660-يىلى تىرىلىشتىن كېيىن ئەنگلىيىگە قايتىپ بارغان. 1668-يىلى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. نەتىجىدە ۋىگ پارتىيىسى بىلەن تورى پارتىيىسىنىڭ ئۇنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1685-يىلى تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، كاتولىك چېركاۋىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى كۈچىنىڭ بارىچە يولغا قويۇپ، مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن. 1688-يىلىدىكى «شانلىق ئىنقىلاب» تىن كېيىن فرانسىيىگە قېچىپ كېتىپ، پروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كۈيئوغلى ۋىليام ئورانگې بىلەن قىزى مارى تەختكە ۋارىسلىق قىلغان.

جاھاندارلىق

  • جاھاندارلىق[يەشمىسى:] قەدىمكى ھىندىستاندىكى ماتېرىيالىستىك پەلسەپە ئېقىمى. سانسىكرىت تىلىدا «لوكاياتا» (Lakayata) بولۇپ «پانىي ئالەم پەلسەپىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. جۇڭگونىڭ تارىخى كىتابلىرى ۋە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان بۇددا نوملىرىدا «جاھانسازلىق» ياكى «جاھان سەپىرى» دەپ ئېلىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرى مىڭىنچى يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمى مەزگىلىدە پەيدا بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا مۇئەييەن تەسىر قوزغىغان. دۇنيا «تۆت چوڭ ئاناسىر»دىن (تۇپراق، سۇ، ئوت ۋە ھاۋا) تەركىپ تاپقان، دېگەن كۆز قاراشنى تەشەببۇس قىلغان. كاھىنلار سىنىپىغا، ۋېدا نوملىرىغا ۋە ئات-ئۇلاق ئۆلتۈرۈپ نەزىر-چىراغ قىلىش ئىشلىرىغا قارشى تۇرغان؛ نەپسى-ھەۋەسلەردىن قول ئۈزۈش ۋە تەركىيدۇنياچىلىققا، تەڭسىز نەسەب تۈزۈمىگە قارشى چىققان. قۇللۇق جەمئىيەتتە خاتا نۇقتىئىنەزەر، يات ئېتىقاد دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭ ئەكس ئەتتۈرگەن كۆز قاراشلىرىدىكى ئەسەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كۆيدۈرۈلگەن ياكى يوقىلىپ كەتكەن. قارشى تۇرغۇچىلار جاھاندارلىق پەلسەپىسىنى «بۇ دۇنيادىكىلەرنى ئەپچىل سۆز-ئىبارىلەر بىلەن قايمۇقتۇرغان» دەپ ھاقارەتلەپ «چارۋاكا» (Charvaka)، مەنىسى «تۆت تادۇ» (يەنى تۇپراق، سۇ، ئوت ۋە ھاۋادىن ئىبارەت ئېلېمېنت) دەپ ئاتىغان؛ يەنە بەزىلەر «چارۋاكا» بۇ پەلسەپەنىڭ ئىجادچىسى دەپ قارىغان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىردە ياشىغان ئاگدۇ قاتارلىقلار جاھاندارلىق پەلسەپىسىنىڭ مۇتەپەككۇرلىرى ھېسابلىنىدۇ.

جاھان خەرىتىسى

  • جاھان خەرىتىسى[يەشمىسى:] ۋيېتنامنىڭ قەدىمكى جۇغراپىيىلىك خەرىتىسى. 1467-يىلى لى شىڭزۇڭ ھەرقايسى جايلاردىكى ئەمەلدارلارنى ئۆزلىرى ئاتلىنىپ، ئۆزىگە قاراشلىق رايوندىكى تاغ-دەريا، خەتەرلىك قىيالارنى كېزىپ، قەدىمدىن بۇيانقى ئىش ئىزلارنى زىيارەت قىلىپ، خەرىتە سىزىپ، تەپسىلىي ئىزاھلاپ يوللاشقا بۇيرۇغان، خۇبۇ مۇشۇ ماتېرىياللارغا ئاساسەن سىزىپ پۈتتۈرگەن. بۇ ۋېيتنامنىڭ تۇنجى جۇغراپىيىلىك خەرىتىسى ھېسابلىنىدۇ.

جاھانگىر

  • جاھانگىر[يەشمىسى:]Jahangir، 1569 — 1627) ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانى (7261 - 5061) ئەسلى ئىسمى سالىم (Salim)، ئەكبەرنىڭ ئوغلى، ئۆز ئاتىسىغا ئاسىيلىق قىلغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن جاھانگىر دەپ ئاتالغان. ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى قوشۇن چىقىرىپ مېۋار (Mewar) نى بويسۇندۇرغان، بېنگال ۋە دېكان رايونىدىكى ئىسياننى باستۇرغان. دىنىي جەھەتتە كەڭ قورساقلىق سىياسىتىنى قوللانغان. كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە كەيپ-ساپاغا بېرىلىپ كەتكەنلىكتىن، ھاكىمىيەت شىرەم تۇغقانلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىپ، ئوردا ئىچىدە ئىچكى نىزا ئەۋج ئالغان. باجنى ھۆددىگە بېرىش تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، دۆلەت ئىگىلىكى يامانلىشىپ كەتكەن. 1622-يىلى قەندىھار ئىران سافى سۇلالىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان.

جاۋۇپ دۆلەتلىرى

  • جاۋۇپ دۆلەتلىرى[يەشمىسى:] مىلادى ئەسىردىن Ⅷ ئەسىرگىچە بولغان دەۋردىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەزىبىر قەدىمكى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. بۇلارنىڭ ئاساسلىقى كانكىيە، ئارساك، ئۆرتۆپە، شاش، ماغيان، كۇشان، خارازىم، بېتىك ۋە كېش قاتارلىق توققۇز دۆلەت بولۇپ، يەنە «توققۇز جاۋۇپلار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە خاتىرىلىنىشىچە، جاۋۇپ دۆلەتلىرىنىڭ خان جەمەتلىرىنىڭ ئەجدادىنىڭ فامىلىسى ۋىن بولۇپ، توخرىيلاردىن ئىكەن، ئۇلار جۇڭگونىڭ تىلەن تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى جاۋۇپ شەھىرى (ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىنزىشەن ناھىيىسى) دە ئولتۇراقلاشقان. كېيىن ھۇنلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ كەتكەن ۋە ئۇ يەردە ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا خانلىق تىكلەپ، فامىلىسىنى جاۋۇپ دەپ ئاتاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. جاۋۇپ دۆلەتلىرى جۇڭگو بىلەن قويۇق ئالاقە قىلغان. Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە تاڭ سۇلالىسى غەربىي تۈركلەرنى مەغلۇپ قىلغان، جاۋۇپ دۆلەتلىرى ئىچكى جەھەتتىن بويسۇنۇپ، ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. Ⅶ ئەسىردە ئەرەبلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. جاۋۇپ دۆلەتلىرى ئىچىدىكى كانكىيە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. باشقىلىرى ئاتەش دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، كېيىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقان. 

جاياۋارمانⅡ

  • جاياۋارمانⅡ[يەشمىسى:] (Jayavarman Ⅱ، تەخمىنەن 058 - 077) كېخمىر ئاڭكور سۇلالىسىنى قۇرغۇچى (تەخمىنەن 058 - 208). مىلادى Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا سايلېندرا سۇلالىسى كېخمىرنى ئىستىلا قىلغاندىن كېيىن ياۋاغا ئېلىپ بېرىلغان. كېيىن بېقىندا سۈپىتىدە دۆلىتىگە قايتىپ تەختكە ئولتۇرغان. تەخمىنەن 802-يىلى سايلېندرا سۇلالىسىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىللىك ئېلان قىلغان ۋە ئۆزىنى ئالەمنىڭ شاھى (Cakravartin) دەپ ئاتىغان. سۋا مەزھىپىنى دۆلەت دىنى قىلىپ، دېۋاراجا (Devaraja ئىلاھلار شاھى) غا ئېتىقاد قىلغان. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئىندراپۇرا (Indrapura، ھازىرقى باڭكەن شەھىرىنىڭ شەرقىدە)، خارىخارالارلا (Hariharalaya، ھازىرقى سىيامنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا)، ئامارېندرا پۇرا (Amerendrapura) ۋە ماخېندرا پارۋاتا (Mahendra Parvata، تونلې ساپ كۆلىنىڭ شىمالىدا) قاتارلىق شەھەرلەرنى پايتەخت قىلىپ قۇرغان ھەمدە ھەرقايسى شەھەرلەردە بۇتخانا ياساتقان. 

جاياۋارمانⅤ

  • جاياۋارمانⅤ[يەشمىسى:] (Jayavarman Ⅴ، 1001 -?)، كېخمىر ئاڭكورا سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى (968 — 1001). كىچىك چېغىدىلا تەختكە ئولتۇرغان، براھمان ئاقسۆڭەكلىرى ئۇزاق مۇددەت مۇۋەققەت ھاكىملىق قىلغان. ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، دۆلەت ئىچىدە مەدەنىيەت-سەنئىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ داڭلىق باندىسلېي ئىبادەتخانىسىنى سالدۇرغان.

جاياۋارمانⅦ

  • جاياۋارمانⅦ[يەشمىسى:] (Jayavarman Ⅶ، تەخمىەنەن 1120 — 1219)، كېخمىر ئاڭكور سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى (1181 — 1219). دەسلەپكى يىللىرىدا چامپا پۇرادا ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1177-يىلى چامپا پۇرا قوشۇنى ئاڭكورغا بېسىپ كىرىپ، مەملىكەتكە بالايىئاپەت ياغدۇرغان، پادىشاھ ئۆلگەن، ئۇ لەشكەر يىغىپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان ۋە بىرقانچە يىل ئۇرۇشۇپ، تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقارغان. 1181-يىلى تاج كىيىپ پادىشاھ بولغان. 1190-يىلى چامپاپۇراغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھىنى ئەسىر ئالغان ۋە ئوغلىنى پادىشاھ قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي چامپا پۇرا مۇستەقىل بولغان، 1203-يىلى ئۇنى قايتىدىن ئىستىلا قىلغان. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ماھايانا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىپ، مەشھۇر ئاگكورانى پايتەخت قىلىپ قۇرغان. يېڭى پايتەختتە ۋە ھەرقايسى جايلاردا ئىبادەتخانىلارنى كۆپلەپ ياساتقان ھەمدە لەڭگەر ۋە دوختۇرخانىلارنى كۆپلەپ قۇرغان. بۇ، ئاڭكور سۇلالىسىنىڭ گۈللەپ ياشنىغان دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

جەڭگىۋار فرانسىيە

  • جەڭگىۋار فرانسىيە[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دېگولل رەھبەرلىك قىلغان فرانسىيە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى. تەكتى «ئەركىن فرانسىيە». 1942-يىلى 7-ئايدا «جەڭگىۋار فرانسىيە» دەپ ئۆزگەرتىلگەن، ئۇنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فرانسىيە مىللىي ئازاتلىق كومىتېتى (1943-يىلى 6-ئاي) ۋە فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى (1944-يىلى 6-ئاي) دىن ئىبارەت. كۆپلىگەن ھەربىي قىسىمغا ۋە فرانسىيىنىڭ ئىلگىرىكى مۇستەملىكىسىنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ئىگە بولغان. ئىتتىپاقداش قوشۇنغا ماسلىشىپ، ئۆز زېمىنىنى ئازات قىلىش ۋە فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان.

جەلدى-جەۋەڭلەر قوزغىلىڭى

  • جەلدى-جەۋەڭلەر قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] يەنى «يۇڭ تارىغۇچى ئىشچىلار قوزغىلىڭى».

جەمەت

  • جەمەت[يەشمىسى:] ئائىلە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نىكاھ ۋە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ھاسىل بولغان ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىي تەشكىلىي شەكلى. جەمئىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا، جەمەت شەكلى ھامان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى (ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت) نىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ بارغان ۋە تەرەققىي قىلغان. تارىختا ھازىرغىچە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ بەش خىل ئاساسىي جەمەت شەكلى مەيدانغا كەلگەن: يەنى، قانداش نىكاھلىق جەمەت، توپ نىكاھلىق جەمەت، جۈپ نىكاھلىق جەمەت، ئاتىلىق ھوقۇقى تۈزۈمىدىكى جەمەت ۋە ئەر-خوتۇنلۇق تۈزۈمىدىكى جەمەت. ئۇنىڭ ئىچىدە قانداش نىكاھلىق جەمەت، توپ نىكاھلىق جەمەت ۋە بىر ئەر-خوتۇنلۇق تۈزۈمىدىكى جەمەت ئاساسىي جەمەت شەكلى بولۇپ، ئۆزىگە مۇناسىپ كېلىدىغان مالاياچە، تۇرانىيچە ۋە ئارىيانچە ئۇرۇق-تۇققانلىق تۈزۈمى ئىجاد قىلىنغان. جۈپ نىكاھلىق ۋە پاترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى جەمەتلەر بولسا ئۆتكۈنچى خاراكتېردىكى جەمەت شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالاھىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىق تۈزۈمى شەكىللەنمىگەن. 

جەمەت جەمئىيىتى

  • جەمەت جەمئىيىتى[يەشمىسى:] «تۆت پەسىل جەمئىيىتى»گە قاراڭ.

جەمئىيەتكە كىرىش مۇراسىمى

  • جەمئىيەتكە كىرىش مۇراسىمى[يەشمىسى:] يەنى «ئەسكەر بولۇش مۇراسىمى».

جەنۇب بىلەن شىمال ئۇرۇشى

  • جەنۇب بىلەن شىمال ئۇرۇشى[يەشمىسى:] ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1861 — 1865 يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما شتات ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇب تەرەپتىكى ئېكىنزارلىق قۇلدارلىرىنىڭ قوراللىق توپىلىڭىغا قارشى تۇرۇپ، قوشما شتاتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۇرۇشى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېكىنزارلىقلاردىكى قۇللۇق تۈزۈمى بىلەن شىمالدىكى بۇرژۇئازىيە ياللانما ئەمگەك تۈزۈمى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قارىمۇ قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1860-يىلى نېگىرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلگەن قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرغۇچى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى لىنكولىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان، جەنۇبتا قۇللۇق تۈزۈمنى ساقلاپ قالغان شتات جەنۇبىي كارولىنا ئالدى بىلەن قوشما شتاتتىن ئايرىلىپ چىققان، ئارقىدىنلا گېئورگىيە، ئالاباما، فلورىدا، مىسسىسىپى، لۇيىس ئاننا ۋە تىكساس قاتارلىقلارمۇ كەينى-كەينىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە 1861-يىل 2-ئاينىڭ 8-كۈنى «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئىتتىپاقى» ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ (قىسقارتىلىپ «جەنۇبىي ئىتتىپاق» دەپ ئاتىلىدۇ)، داۋىد. جېففېرسوننى زۇڭتۇڭلۇققا سايلاپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ، ئاشكارا ھالدا دۆلەتنى پارچىلىغان. 4-ئاينىڭ 12-كۈنى جەنۇب ئىتتىپاقى ئارمىيىسى سۇمتېر قەلئەسىنى توپقا تۇتۇپ، ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان. لىنكولىن ھۆكۈمىتى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى جازا يۈرۈشى قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن، ئاخىر ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ۋىرگىنىيە، شىمالىي كارولىنا، تېننېسسې ۋە ئاركانزاس قاتارلىق تۆت شتات قوشما شتاتتىن چېكىنىپ چىقىپ، جەنۇب ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى، جەنۇب ئارمىيىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. 7-ئايدا، موناساس جېڭىدە قوشما شتات ئارمىيىسى زور چىقىمغا ئۇچرىغان. كېيىن لىنكولىن ھۆكۈمىتى ئارمىيىنى قايتىدىن رەتكە سېلىپ، 1862-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە ھۇجۇم باشلىغان. غەربىي سەپتە گرانت قوماندانلىقىدىكى ئارمىيە مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ جەنۇبىنى بويلاپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن، جەنۇب تەرەپتە پاتېلې قوماندانلىقىدىكى ئارمىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئورلېئاندىن قۇرۇقلۇققا چىققان؛ شەرق تەرەپتىكى قوشما شتات دېڭىز ئارمىيىسى دېڭىز بويلىرىنى قامال قىلىۋالغان، شىمالىي سەپتىكى قوشما شتات ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق كۈچى يېرىم ئارالدىكى جەڭدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. كېيىن لىنكولىن ئاكتىپ تەدبىر قوللانغان. 1862-يىلى 5-ئايدا «يەر-جاي قانۇنى» نى ئېلان قىلغان، 9-ئايدا «نېگىر قۇللارنى ئازات قىلىش خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە نېگىرلارنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. 1863-يىلى 7-ئايدا قوشما شتات ئارمىيىسى گېتتېسبۇرگ جېڭى، ۋىكىسبۇرگ جېڭىدە غەلىبە قىلغان. 1864-يىلى 3-ئايدا، لىنكولىن گرانتنى پۈتكۈل ئارمىيىنىڭ باش گېنېراللىقىغا كۆتۈرگەن. 1864-يىلى 5-ئايدا سىرمان قوشما شتات ئارمىيىسىنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى باشلاپ، جەنۇبقا يۈرۈش قىلغان. 1865-يىل 4-ئاينىڭ 3-كۈنى، گرانت جەنۇب ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى رىسموندنى ئىشغال قىلغان. 9-كۈنى جەنۇبتىكى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ قوماندانى روبېرت لې (Robert Edward Lee، 0881 - 7081) تەسلىم بولۇپ، ئۇرۇش ئاياغلاشقان. جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى ئامېرىكا بۇرژۇئازىيە دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ داۋامى بولۇپ، ئامېرىكا كاپىتالىزمنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن توسالغۇلارنى تۈگەتكەن.

جەنۇب جەمئىيىتى

  • جەنۇب جەمئىيىتى[يەشمىسى:] دېكابرىستلار تەشكىلاتى. «دېكابرىستلار» غا قارالسۇن.

جەنۇب ئىتتىپاقى

  • جەنۇب ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] يەنى ئامېرىكا شتاتلىرى ئىتتىپاقى. ئامېرىكا جەنۇب بىلەن شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە جەنۇبتىكى توپىلاڭ كۆتۈرگەن شتاتلار قۇرغان ئىتتىپاق. 1861-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى قۇرۇلغان. دەسلەپ جەنۇبىي كارولىنا، گېئورگىيە، فلورىدا، ئالاباما، مىسسىسىپى، لۇئىزانا ۋە تىكساستىن ئىبارەت 7 شتات قاتناشقان. ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇن تۈزگەن ھەمدە پارلامېنت تەشكىللىگەن، داۋىد. جېففېرسوننى زۇڭتۇڭلۇققا سايلىغان. 4-ئايدا ۋىرگىنىيە، ئاركانزاس، شىمالىي كارولىنا ۋە تېننېس قاتارلىق تۆت شتات ئارقا-ئارقىدىن جەنۇب ئىتتىپاقىغا كىرگەن. جەنۇبتىكى ئېكىنزار قۇلدارلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، شىمالدىكى قوشما شتات ھۆكۈمىتى بىلەن تۆت يىل ئۇرۇش قىلغان. 1865-يىلى 4-ئايدا، قوشما شتات ئارمىيىسى جەنۇب ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى رىسموننى ئىشغال قىلغان، ئىتتىپاق ئارمىيىسى كەينى-كەينىدىن تەسلىم بولغان، شۇنداق قىلىپ، ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىگە خاتىمە بېرىلگەن. 

جەنۇبتىكى قەبىلە ئىتتىپاقى

  • جەنۇبتىكى قەبىلە ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] 1922-يىلى ئىراننىڭ خۇزىستان دېگەن جايدا قۇرۇلغان مىللىي بۆلگۈنچى تەشكىلات. باشلىقى ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىدىكى ئەرەب قەبىلىسىدىكى سەلىم ھەزەر. ئىتتىپاق رىزا پەھلىۋىنىڭ ھوقۇق مەركەزلەشكەن تۈزۈمىگە قارشى چىقىپ، ئەنگلىيىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن «مۇستەقىل ئەرەب دۆلىتى» قۇرۇش توغرىسىدا جار سالغان. 1924-يىلى پادىشاھ ئەخمەت شۇنىڭدەك بەختىيارلارنىڭ بەگلىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ پادىشاھ رىزانىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان. 1924-يىلنىڭ ئاخىرى پادىشاھ رىزا ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا ئاخىر سەلىم ھەزەر تەسلىم بولۇپ، ئىتتىپاق پارچىلانغان.

جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش سىياسىتى

  • جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش سىياسىتى[يەشمىسى:] ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق-كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ۋە ئۇرۇش داۋامىدا ياپونىيە ھۆكۈمران گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا، يەنى ھەربىي تاجاۋۇزچىلىق لۇشيەنىدە «شىمالغا يۈرۈش قىلىش» ۋە «جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش» دىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك تەشەببۇس بارلىققا كەلگەن، ئالدىنقىسىدا چاۋشيەن، جۇڭگونى بېسىۋالغاندىن كېيىن شىمالدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا زومىگەر بولۇش تەشەببۇس قىلىنغان؛ كېيىنكىسىدە، چاۋشيەن، جۇڭگونى بېسىۋالغاندىن كېيىن، شەرقىي جەنۇبى ئاسىياغا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، غەربىي جەنۇب تىنچ ئوكيانغا زومىگەر بولۇش تەشەببۇس قىلىنغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش سىياسىتى بارا-بارا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. 1940-يىلى 7-ئايدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى «بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا يېڭى تەرتىپى» تۇرغۇزۇشنى قارار قىلغان؛ 8-ئايدا «بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گۈللىنىش چەمبىرىكى» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان، 9-ئايدا قوشۇن ئەۋەتىپ فرانسىيىگە قارام ھىندىچىنىنىڭ شىمالىي قىسمىنى (ھازىرقى ۋيېتنام) بېسىۋالغان ھەمدە گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىقلار بىلەن ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقىنى تۈزۈپ، جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىشنى جىددىيلەشتۈرگەن. 1941-يىلى 4-ئايدا «ياپونىيە-سوۋېت ئىتتىپاقى بىتەرەپ شەرتنامىسى» ئىمزالانغاندىن كېيىن، جەنۇب ۋە شىمالغا تەڭلا يۈرۈش قىلىش ستراتېگىيىسى جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش سىياسىتىگە ئۆزگىرىپ كەتكەن. شۇ يىلى 6-ئايدا نېمىسلار سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن «ئەنگلىيە ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن يانماسلىق» نى قارار قىلىپ، تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

جەنۇبىي ئالپ تېغى جۇمھۇرىيىتى

  • جەنۇبىي ئالپ تېغى جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:] سىسالىپىن جۇمھۇرىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا فرانسىيە ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا قۇرغان جۇمھۇرىيەت. 1796-يىلى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىتالىيىگە بېسىپ كىرىشى، ئىتالىيىدە چەت ئەلنىڭ قۇل قىلىشىغا ۋە فېئودالىزمغا قارشى كۈرەشنى تېز ئەۋج ئالدۇرغان ھەمدە بىرقاتار جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1797-يىلى 7-ئايدا ترانسىپادانا جۇمھۇرىيىتى بىلەن چىسپادانا جۇمھۇرىيىتى بىرلىشىپ جەنۇبىي ئالپ تېغى جۇمھۇرىيىتىنى تەشكىل قىلغان. مىلاننى پايتەخت قىلغان ھەمدە فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلغان. «كامپوفورمىئو سۈلھ شەرتنامىسى» ۋە«ليونېۋىل سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاش ئارقىلىق ئاۋسترىيىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىگە بولغان ھەمدە بەزى ئىلغار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. ئىككىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق ئارمىيىسى تەرىپىدىن بىر مەھەل ئاغدۇرۇپ تاشلانغان، فرانسىيە ئارمىيىسى يەنە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن قايتىدىن قۇرۇلغان ھەمدە 1802-يىل 1-ئاينىڭ 25-كۈنى نامىنى ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىپ، ناپولېئون زۇڭتۇڭ بولغان. فرانسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، 1805-يىلى نامىنى ئىتالىيە كورۇللۇقىغا ئۆزگەرتكەن.

جەنۇبىي ئافرىقا قانۇن لايىھىسى

  • جەنۇبىي ئافرىقا قانۇن لايىھىسى[يەشمىسى:] ئەنگلىيىنىڭ ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى تۆت مۇستەملىكە ۋە ئاپتونومىيە ئوبلاستىدا ئىتتىپاق تەشكىللەش قانۇن لايىھىسى. 1909-يىلى 9-ئايدا ئەنگلىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان. قانۇن لايىھىسىدە، كاپې مۇستەملىكىسى، ترانسىۋال، ئورانگې ۋە ناتال قاتارلىقلارنى قوشۇپ جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقى قىلىشنى، ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئىتتىپاق پارلامېنتىنى تەسىس قىلىشنى بەلگىلىگەن. غەيرىي ئاق تەنلىكلەر ۋە باشقا رەڭلىك ئىرقلارنىڭ سايلام ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان. پرېتورىيىدە مەمۇرىي ھاكىمىيەت ئورگىنى تەسىس قىلىنغان، كاپېتوندا پارلامېنت، بولومفونتېندا سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. جەنۇبىي ئافرىقا قانۇن لايىھىسى1910-يىلى 5-ئاينىڭ 31- كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان.

جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقى

  • جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقى[يەشمىسى:] [HT] 1910 — 1961-يىللىرىدىكى جەنۇبىي ئافرىقا ئاق تەنلىك ئىرقچىلىرىنىڭ ھاكىمىيىتى. 1899 — 1902-يىللىرىدىكى ئەنگلىيە-بۇر ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەنگلىيە ترانسىۋال ۋە ئورانگېدىن ئىبارەت بۇرلارنىڭ ئىككى جۇمھۇرىيىتىنى يۇتۇۋالغان. 1910-يىل 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، كاپې مۇستەملىكىسى ۋە ناتال، ترانسىۋال ۋە ئورانگېدىن ئىبارەت ئۈچ ئاپتونوم ئوبلاستىنى قوشۇپ، جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ ئەنگلىيىنىڭ «دومىنىئونى» قىلغان. 1909-يىلى ئەنگلىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان «جەنۇبىي ئافرىقا قانۇن لايىھىسى» ئىتتىپاقنىڭ ئاساسىي قانۇنى قىلىنىپ، باش ۋالى ھۆكۈمرانلىقى ئورنىتىلغان، لېكىن جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاق پارلامېنتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن. باش ۋالىي قارىمىقىدا مەمۇرىي كېڭەش تەسىس قىلىنىپ ۋالىينىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا ياردەملەشكەن. ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى ئىرقىي كەمسىتىش ۋە مىللىي زۇلۇم سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن.1961-يىلى «جۇمھۇرىيەت» قۇرۇلغان.

جەنۇبىي تىنچ ئوكيان كومىتېتى

  • جەنۇبىي تىنچ ئوكيان كومىتېتى[يەشمىسى:] [HT] ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىق ئاپپاراتى. 1944-يىلىدىكى ئاۋسترالىيە-يېڭى زېلاندىيە كېلىشىمى بىلەن 1946-يىلدىكى فىجى، يېڭى زېلاندىيە ھەمدە غەربىي تىنچ ئوكياندىكى ئالىي ۋالىي مەھكىمىسى ئىمزالىغان كېلىشىم ئۇنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1947-يىلنىڭ باشلىرى ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەت كانبىررادا يىغىن ئېچىپ قۇرۇشنى قارار قىلغان. 1948-يىلى 5-ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان. 1962-يىلى گوللاندىيە چېكىنىپ چىققان. 1964 — 1975-يىللىرى غەربىي سامويا، نائۇرۇ، فىجى ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيىسى قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقىمۇ ئارقىدىن كىرگەن. ئاساسلىقى سەھىيە، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە مۇشۇ رايوندىكى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كاتىبات باشقارمىسى تەسىس قىلغان. باش شتابى يېڭى كالېدونىيىنىڭ پايتەختى نومېئادا تەسىس قىلىنغان.

جەنۇبىي روسىيە ئىشچىلار جەمئىيىتى

  • جەنۇبىي روسىيە ئىشچىلار جەمئىيىتى[يەشمىسى:] [HT] روسىيە ئىشچىلىرىنىڭ تۇنجى ئىنقىلابىي تەشكىلاتى. 1875-يىلنىڭ باشلىرى ئىنقىلابىي زىيالىي زاسلاۋىسكىي (Евтений Осипович Заславский، 1847 — 1878) ئودېسسادا قۇرغان. شۇ چاغدا تەخمىنەن ئاتمىش ئەزاسى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا بۇ جەمئىيەتكە ھېسداشلىق قىلىدىغانلار تەخمىنەن ئىككى يۈز ئەتراپىدا بولغان. دائىم ۋەكىللەر يىغىنى ۋە ھەپتىلىك يىغىنلارنى ئېچىپ تۇرغان. ئىشچىلارنىڭ بىرلىشىپ، زورلۇق ئىنقىلابى ئارقىلىق كاپىتال ۋە ئىمتىيازلىق سىنىپلارنى يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىككى قېتىملىق ئىش تاشلاش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1875-يىلنىڭ ئاخىرى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، نۇرغۇنلىغان ئەزالىرى قولغا ئېلىنغان. زاسلاۋىسكىي ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئاخىرى تۈرمىدە ئۆلگەن.

جەنۇبىي قۇتۇپ شەرتنامىسى

  • جەنۇبىي قۇتۇپ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] [HT] 1959-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئارگېنتىنا، ئاۋسترالىيە، بېلگىيە، چىلى، فرانسىيە، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە، نورۋېگىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئون ئىككى دۆلەت ۋە رايون ۋاشىنگتوندا ئىمزالىغان. 1961-يىل 6-ئاينىڭ 23-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. مۇددىتى ئوتتۇز يىل. پولشا 1977-يىلى ئەزا بولغان. شەرتنامىدە: جەنۇبىي قۇتۇپنى پەقەت تىنچلىق مەقسىتى ئۈچۈنلا ئىشلىتىش، جەنۇبىي قۇتۇپ رايونىدا ھەرقانداق ھەربىي خاراكتېردىكى تەدبىر قوللىنىشنى مەنئى قىلىش لېكىن پەن تەتقىقاتى ياكى باشقا ھەرقانداق تىنچلىق مەقسىتى ئۈچۈن ھەربىي خادىملار ياكى ھەربىي ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىشنى مەنئى قىلماسلىق؛ جەنۇبىي قۇتۇپتا ھەرقانداق يادرو پارتلىتىش ۋە مەزكۇر رايوندا رادىئوئاكتىۋ چاڭ-توزانلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى قەتئىي چەكلەش؛ شەرتنامە كۈچكە ئىگە مەزگىلدە جەنۇبىي قۇتۇپقا نىسبەتەن ھەرقانداق تېررىتورىيە تەلىپى قويماسلىق بەلگىلەنگەن ھەمدە شەرتنامىنى ئىمزالاشقا قاتناشقان دۆلەتلەر ھەرقانداق ۋاقىتتا جەنۇبىي قۇتۇپتىكى ھەممە رايونلاردا ھاۋا ياكى يەر ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن كۆزەتكۈچى ئەۋەتىشكە ھوقۇقلۇق، دەپ بەلگىلەنگەن. جەنۇبىي قۇتۇپ شەرتنامىسى خەلقئارالىق تەكشۈرۈش پرىنسىپىنى تۇنجى قېتىم قوبۇل قىلغان كۆپ تەرەپلىمىلىك كېلىشىمدىن ئىبارەت. 1963-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ كۆپ قېتىم «تەكشۈرۈش» ئېلىپ بېرىلغان. 1978-يىلى 2-ئاي ۋە 7-ئايدا مەزكۇر شەرتنامىگە ئەزا 13 دۆلەت (1977-يىلى پولشانىڭ ئەزا بولۇشى تەستىقلانغان) ۋەكىللىرى ئالاھىدە مەسلىھەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جەنۇبىي قۇتۇپ دېڭىزىدىكى بىئو بايلىقلارنى قوغداش ۋە ئۇنى ئېچىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. 1983-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو بۇ تەشكىلاتقا قاتناشقان.

جەنۋە كېلىشىمنامىسى

  • جەنۋە كېلىشىمنامىسى[يەشمىسى:] [HT] تولۇق ئاتىلىشى «زەھەرلىك گاز ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش زەھەرلىك بۇيۇم ۋە باكتېرىيىلىك ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇرۇش قىلىشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى كېلىشىمنامە» 1925-يىل 6-ئاينىڭ 17-كۈنى جەنۋەدە ئىمزالانغان. ئەھدىنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر ئۇرۇشتا زەھەرلىك گاز ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش پرىنسىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە مەنئى قىلىش دائىرىسىنى ئۇرۇشتا باكتېرىيىلىك قوراللارنى ئىشلەتمەسلىككىچە كېڭەيتىشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. دەسلىپىدە ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق 38 دۆلەت ئىمزا قويغان.جۇڭگو ھۆكۈمىتى 1929-يىل 8-ئاينىڭ 7-كۈنى بۇ كېلىشىمنامىگە قاتناشقان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ كېلىشىمنامىنى قاراپ چىقىپ، 1952-يىل 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ھەرقايسى ئەللەر رىئايە قىلىش پرىنسىپى ئاستىدا، قاتتىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

جەنۋە كېلىشىمى

  • جەنۋە كېلىشىمى[يەشمىسى:] (1) 1954-يىل 7 ئاينىڭ 20 — 21-كۈنلىرى جەنۋە يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان ھىندىچىنى دۆلەتلىرىنىڭ تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى كېلىشىملەرنىڭ ئومۇمىي نامى. بۇ، «ۋيېتنامدا دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى توختىتىش توغرىسىدىكى كېلىشىم»، «لائوستا دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى توختىتىش توغرىسىدىكى كېلىشىم»، «كامبودژادا دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى توختىتىش توغرىسىدىكى كېلىشىم»، «جەنۋە يىغىنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خىتابنامىسى» قاتارلىق ھۈججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسىي مەزمۇنى يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر ۋيېتنام، لائوس، كامبودژانىڭ مۇستەقىللىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۈرمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق؛ ۋېيتنام، لائوس، كامبودژا ھەر قانداق ھەربىي ئىتتىپاققا قاتناشماسلىق شۇنداقلا چەت ئەللەرنىڭ ئۆز زېمىنلىرىدا ھەربىي بازىلارنى قۇرۇشىغا يول قويماسلىق؛ پۈتۈن ھىندىچىنى زېمىنىدا ئۇرۇش توختىتىپ، فرانسىيە ھىندىچىنىدىن قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش ھەمدە بىرلەشمە كومىتېت ياكى خەلقئارالىق كومىتېت قۇرۇپ، ئۇنى ئۇرۇش توختىتىشنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش ئورگىنى قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يىغىنغا جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، لائوس، كامبودژا ۋە جەنۇبىي ۋيېتنام قاتناشقان. ئامېرىكا «جەنۋە يىغىنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خىتابنامىسى» غا قول قويۇشتىن باش تارتقان، لېكىن «تىنچلىقنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىدىغانلىقى» نى، «تەھدىت ۋە قورال كۈچى ئىشلىتىپ» كېلىشىمنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشتەك ئىشنى قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. كېيىن ئامېرىكا بۇ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كېلىشىمنى بۇزغان.(2)1962-يىل 7-ئاينىڭ 23-كۈنى لائوس مەسىلىسى توغرىسىدا جەنۋە يىغىنىدا ئىمزالىغان كېلىشىم، بۇ، «لائوسنىڭ بىتەرەپلىكى توغرىسىدىكى خىتابنامە» ۋە «لائوسنىڭ بىتەرەپلىكى توغرىسىدىكى خىتابنامىنىڭ كېلىشىمنامىسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېلىشىمگە جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ھىندىستان، كانادا، پولشا، لائوس، كامبودژا، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، تايلاند، بىرما ۋە جەنۇبىي ۋيېتنام قول قويغان. كېلىشىمدە لائوسنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىكى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۈرمەت قىلىش ھەمدە ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پرىنسىپى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن؛ لائوس ھەرقانداق ھەربىي ئىتتىپاق ياكى بىرلەشمىنى، جۈملىدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىنى «ھامىيلىق» قا ئېلىشنىمۇ ئېتىراپ قىلمىغان ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ قورال كۈچى ياكى قوراللىق تەھدىت ئىشلەتمەسلىكى ياكى لائوسنىڭ تىنچلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق چارە-تەدبىرنى يولغا قويماسلىقى بەلگىلەنگەن. ئۇزاق ئۆتمەي ئامېرىكا بۇ كېلىشىمنى بۇزغان.

جەنۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنى

  • جەنۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنى[يەشمىسى:] 1932-يىل 2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 1934-يىل 6-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە خەلقئارا ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنى. يىغىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ھەرقايسى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، تىنچلىقنى تەلەپ قىلىش كۈرىشى كۈندىن-كۈنگە ئۆرلەۋاتقان ۋە بۇرژۇئا تىنچلىق ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز ئۇلغىيىۋاتقان شارائىتتا ئېچىلغان. 60 نەچچە دۆلەت (سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قاتارلىق يىغىنغا ئەزا بولمىغان توققۇز دۆلەتمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)، 1500 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشقان. يىغىننى ئەمەلىيەتتە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر كونترول قىلىۋالغان. يىغىن مەزگىلىدە، ھەرقايسى چوڭ دۆلەتلەر يىغىندا قارشى تەرەپنىڭ ھەربىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش تەكلىپ لايىھىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ، كۈرەشنى ئىنتايىن كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن، بولۇپمۇ گېرمانىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەن.1933-يىل 10-ئاينىڭ 14-كۈنى گېرمانىيە «قورال كۈچى غايەت زور بولغان دۆلەتلەرنىڭ ھەم ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش نىيىتىمۇ، ھەم ئۇلارنىڭ گېرمانىيىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى تەڭلەشتۈرۈش تەلىپىنى قاندۇرۇش نىيىتىمۇ يوق» دېگەننى باھانە قىلىپ، خەلقئارا ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنىدىن چېكىنىپ چىققان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە يىغىنىنىڭ ئىچى-سىرتىدا داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن باشتىن-ئاخىر ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ئەھدىنامىسى تۈزۈش جەھەتتە بىردەك پىكىرگە كېلەلمىگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى يىغىن مەزگىلىدە، «ھەربىي ھازىرلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك، ئۈزۈل-كېسىل قىسقارتىش» تەلىپىنى قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچراپ، يىغىندىن نەتىجە چىقمىغان.

جەنۋە يىغىنى

  • جەنۋە يىغىنى[يەشمىسى:] (1) چاۋشيەن مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ۋە ھىندىچىنىنىڭ تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى. 1954-يىل 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە جەنۋەدە ئېچىلغان. 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن،6-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە چاۋشيەن مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان. يىغىنغا چاۋشيەن، جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلغان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى 15 دۆلەت ھەمدە جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ لېسىنمان (Lhee Syngman) گۇرۇھى قاتناشقان. يىغىندا چاۋشيەن، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەر چاۋشيەن دۆلىتىنىڭ بىرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمدە پۈتۈن چاۋشيەننىڭ ئەركىن سايلىمىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى لايىھىنى، بارلىق چەت ئەل قوشۇنلىرى پۈتۈن چاۋشيەن سايلىمىدىن بۇرۇن چاۋشيەندىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن چاۋشيەنلىكلەرنىڭ ھەرقانداق چەت ئەل مۇداخىلىسىگە ئۇچرىماسلىقنى، پۈتۈن مەملىكەت سايلام ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن ئامېرىكا ۋە لېسىنمان گۇرۇھى بۇنى رەت قىلغان؛ ئامېرىكا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلغان دۆلەتلەرنى يىغىپ، 16 دۆلەت ئورتاق خىتابنامىسىنى ئېلان قىلىپ، مۇزاكىرىنى ئۈزۈپ قويغان.5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە ھىندىچىنى مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان، بۇنىڭغا جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ھەمدە ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، كامبودژا، لائوس ۋە جەنۇبىي ۋيېتنام قاتناشقان، يىغىن فرانسىيىنىڭ ھىندىچىنى دۆلەتلىرىنىڭ مىللىي ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش ئاساسىدا، ھىندىچىنىنىڭ تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلغان، لېكىن ئامېرىكا قول قويۇشتىن باش تارتقان ھەمدە ئۆز ئالدىغا بايانات ئېلان قىلغان. «جەنۋە كېلىشىمى (1)» گە قارالسۇن. (2) لائوس مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن ئېچىلغان كېڭەيتىلگەن يىغىن. «كېڭەيتىلگەن جەنۋە يىغىنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1961-يىل 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن ئىككىنچى يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا 1954-يىلىدىكى جەنۋە كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، لائوسقا مۇداخىلە ۋە تاجاۋۇز قىلغان ھەمدە 1960-يىلى لائوس ئىچكى ئۇرۇشىنى قوزغىغان. لائوس مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن، 1954-يىلى جەنۋە يىغىنىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى — لائوس، كامبودژا، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، جۇڭگو، فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، جەنۇبىي ۋيېتنام ھەمدە ھىندىستان، كانادا، پولشا، تايلاند ۋە بىرما قاتارلىق دۆلەتلەر جەنۋەدە بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۆتكۈزگەن. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان كۈرەش ئارقىلىق، يىغىن ئاخىر «لائوسنىڭ بىتەرەپلىكى توغرىسىدىكى خىتابنامە» ۋە «لائوسنىڭ بىتەرەپلىكى توغرىسىدىكى خىتابنامىنىڭ كېلىشىمنامىسى» نى رەسمىي ئىمزالىغان. «جەنۋە كېلىشىمى (2)» گە قارالسۇن.

جەيتېڭشى

  • جەيتېڭشى[يەشمىسى:] (1858 — 1936) ياپونىيە باش ۋەزىرى(1932 — 1934). دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى. سۇيزاۋا ۋاسساللىقى (ھازىرقى ئىۋاتې ناھىيىسىدە) دىكى بىر سامۇراينىڭ ئوغلى. دېڭىز ئارمىيە مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1884-يىلى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارغان. 1898-يىلىدىن باشلاپ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1906 — 1914-يىللىرى ئۇدا بەش نۆۋەت ئىچكى كابىنېت دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولۇپ، دېڭىز ئارمىيىسىنى كېڭەيتىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. 1919— 1927-يىللىرى چاۋشيەن باش ۋالىيسى بولغان. 1927-يىلى 4-ئايدا ياپونىيىنىڭ جەنۋەدىكى دېڭىز ئارمىيە بويىچە ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىشقا قاتناشقۇچى تولۇق ھوقۇقلۇق ھەيئىتى بولغان. 1929 — 1931-يىللىرى يەنە چاۋشيەن باش ۋالىيسى بولغان. 1932-يىلى 15-ماي ۋەقەسىدىن كېيىن، سىياسىي دوستلار جەمئىيىتى، خەلق ئىلگىرى پارتىيىسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلغان. 9-ئاينىڭ 15-كۈنى كانتون ئارمىيىسى پەيدا قىلغان قورچاق مانجۇرىيە دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئىككىنچى يىلى خەلقئارا ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىققان. 1934-يىلى 7-ئايدا خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1935-يىلى 12-ئايدا ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1936-يىلى 26-فېۋرال ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن.

جەيھۇن

  • جەيھۇن[يەشمىسى:] ئامو دەرياسىنىڭ قەدىمكى نامى. «ئوكسوس دەرياسى» غا قاراڭ.

جوئاۋⅠ

  • جوئاۋⅠ[يەشمىسى:] (JoaoⅠ، 1357— 1433)پورتۇگالىيە كورۇلى (1385 — 1433). ئاۋىس خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە شەھەر خەلقى ۋە رىتسارلارغا تايىنىپ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئافرىقىغا كېڭىيىپ، 1415-يىلى جەبىلتارىق بوغۇزىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى سېئۇتا (Ceuta) شەھىرىنى بېسىۋالغان، ئۇنىڭ ئوغلى ھېنرىخ (دېڭىزچى) نى كۆپ قېتىم كېمە ئەترىتى تەشكىللەپ، ئافرىقىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئېكسپېدىتسىيە ۋە مۇستەملىكىچىلىك تالان-تاراج قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان.

جوئاۋⅡ

  • جوئاۋⅡ[يەشمىسى:]JoaoⅡ، 1455 — 1495) پورتۇگالىيە ئاۋىس خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1481— 1495). تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، پورتۇگالىيە دېڭىزچىسى دىئاسنى ئەۋەتىپ، 1488-يىلى ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈمىت تۇمشۇقىنى تاپقان، كېيىن داگامانىڭ ھىندىستانغا قاتنىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان. 1484-يىلى، پورتۇگالىيىدە تۇرۇۋاتقان ئىتالىيىلىك دېڭىزچى كولومبونىڭ ياۋروپا ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىدىن ئۇدۇل غەربكە يۈرۈش قىلىپ، شەرققە يېتىپ بېرىش توغرىسىدىكى پىلانىنى رەت قىلغان. 1492-يىلى كولومبو ئىسپانىيىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئامېرىكا قىتئەسىنى تاپقاندىن كېيىن، پورتۇگالىيە ئىسپانىيە بىلەن 1494-يىلى «توردېسىلياس شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى تەسىر دائىرىسىنى ئايرىغان.

جوئاۋⅣ

  • جوئاۋⅣ[يەشمىسى:] (JoaoⅣ، 1604—1656) پورتۇگالىيە كورۇلى (1640 — 1656). براگانزا خاندانلىقىنىڭ ئاساسچىسى. سەككىزىنچى ئەۋلاد براگانزا گېرتسوگى، تارىختا «تەلىيى ئوڭدىن كەلگۈچى» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ مومىسى جوئاۋⅢ(JoaoⅢ، 1502 — 1557) نىڭ جىيەن قىزى بولغاچقا، ئۇ پورتۇگالىيە مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ داھىيلىقىغا سايلانغان. 1640-يىلى پورتۇگالىيە ئىسپانىيىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن كورۇل بولغان. تەختتە ئولتۇرغاندا مۇستەقىللىكنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇستەملىكىچى ئىمپېرىيىنى ساقلاپ قېلىشقا كۈچ چىقارغان. ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياۋروپادا دىپلوماتىك پائالىيەتنى قانات يايدۇرغان. تاشقى جەھەتتە مۇستەملىكىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن گوللاندىيە بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇش قىلغان.

جوئاۋⅤ

  • جوئاۋⅤ[يەشمىسى:] (JoaoⅤ،1689— 1750) پورتۇگالىيە كورۇلى (1706 — 1750). ئىسپانىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىدا تەختكە چىقىپ، ئاتىسى پېدروⅡ نىڭ تاشقى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، داۋاملىق ئەنگلىيە، گوللاندىيە، ئاۋسترىيە تەرەپتە تۇرۇپ، فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە برازىلىيە مۇستەملىكىسىنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ، پارلامېنتنىڭ مالىيە جەھەتتىكى توسقۇنلۇقىدىن قۇتۇلۇپ، پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن؛ سانائەتنى رىغبەتلەندۈرگەن؛ ئىلىم-پەن ۋە سەنئەتكە ئەھمىيەت بەرگەن. تارىخ ئاكادېمىيىسى، تەبىئەت تارىخى مۇزېيى تەسىس قىلغان، خانلىق كۇتۇپخانىسىنى كېڭەيتىپ قۇرغان. 1741-يىلى رىم پاپاسى ئۇنىڭغا «ئەڭ ئىخلاسمەن جاناب» دېگەن نامنى ئىنئام قىلغان.

جوسېفⅠ

  • جوسېفⅠ[يەشمىسى:] (JosephⅠ، 1678 — 1711) ئاۋسترىيە كورۇلى، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1705 — 1711). ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن ئاتىسى لېئوپولىد Ⅰ قوزغىغان ئىسپانىيە پادىشاھلىقىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇزاق ۋاقىت داۋام قىلغان ئۇرۇش پەيدا قىلغان مالىيە كرىزىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ھابىسبۇرگ خاندانلىقى زېمىنى دائىرىسىدە مېركانتلىزم سىياسىتىنى يولغا قويغان.

جوسېفⅡ

  • جوسېفⅡ[يەشمىسى:] (JosephⅡ، 1741 — 1790) ئاۋسترىيە كورۇلى، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى (1765 — 1790). 1765 — 1780-يىللىرى ئاپىسى مارىيە تېرېسا بىلەن بىرگە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى باشقۇرغان. 1780-يىلى ھاكىمىيەتنى ئۆزى تۇتقاندىن كېيىن، «تەرەققىيپەرۋەر پادىشاھلىق تۈزۈمى» نى يولغا قويۇپ، ئىچكى جەھەتتە بىر يۈرۈش ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. مالىيە كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قوغدىنىش چېگرا بېجى، سودا-سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان، يېزىلاردىكى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش ئۈچۈن، 1781-يىلى «پۇقرالارغا ئىجازەت پەرمانى» نى ئېلان قىلىپ، ھابىسبۇرگ ۋارىسلىق زېمىنى دائىرىسىدە دېھقانلارنىڭ جىسمانىي بېقىندىلىقىنى بىكار قىلغان؛ 1789-يىلى يەنە «باج-خىراج ئىجازەت پەرمانى» نى ئېلان قىلىپ، دېھقانلارنىڭ باج تۆلەش ئۆلچىمىنى بەلگىلەپ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازىغا چەك قويغان. ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاۋسترىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى فېئودال خوجىلىق زېمىنىنى 13 رايونغا بۆلۈپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەركەز ئەۋەتكەن باش ۋالىينىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ھەمدە ھەرقايسى مىللىي رايوندا نېمىسلاشتۇرشنى يولغا قويغان. چېركاۋنىڭ بىر قىسىم مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، دەھرىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ، كاتولىك دىنىنىڭ تەسىرى كۈچىگە چەك قويغان. سىرتقا قارىتا روسىيىگە يېقىنلىشىش، پرۇسسىيىگە قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاۋسترىيىنىڭ گېرمانىيە ۋە ياۋروپادىكى ئورنىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنغان. 1772-يىلى بىرىنچى قېتىملىق پولشانى بۆلۈشۈۋېلىش ھەرىكىتىگە پائال قاتناشقان. 1781-يىلى ئاۋسترىيە-روسىيە ئىتتىپاقىنى تۈزۈپ، تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى بالقان ئەللىرىنى بىرلىكتە بۆلۈشۈۋالماقچى بولغان، بىراق ئۇلارنىڭ تۈركىيىگە قىلغان ئۇرۇشلىرى، ئۇدا مەغلۇپ بولۇپ ئىشقا ئاشمىغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن يولغا قويغان ئىسلاھاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلگەن.

جوسېف بوناپارت

  • جوسېف بوناپارت[يەشمىسى:]Joseph Bonapart، 1768 — 1844) فرانسىيىلىك دىپلومات، نېئاپول ۋە ئىسپانىيە كورۇلى بولغان. ناپولېئونⅠ نىڭ چوڭ ئاكىسى. قانۇن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. كورسكا ئىچكى ئۇرۇشىدا ناپولېئون قاتارلىقلار بىلەن فرانسىيە تەرەپتە تۇرغان. 1796-يىلى ناپولېئون بىلەن ئىتالىيە جېڭىگە قاتنىشىپ ساردىنىيە پادىشاھلىقى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش توختىمى تۈزۈشكە ھەمكارلاشقان.1797-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فرانسىيىنىڭ پارما ۋە رىمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان. ئىجرائىيە ھۆكۈمىتى دەۋرىدە دۆلەت ئىشلىرى يىغىنى ۋە قانۇن چىقىرىش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولغان. فرانسىيە-ئامېرىكا «موتفىدام كېلىشىمى»، فرانسىيە-ئاۋسترىيە «لونېۋىل شەرتنامىسى» ۋە فرانسىيە-ئەنگلىيە «ئاۋمېن شەرتنامىسى» نى تۈزۈشكە قاتناشقان. بىرىنچى ئىمپېرىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇق مەسىلىسىدە ناپولېئون بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ، لومباردىيە پادىشاھلىق تەختىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. 1806 — 1808-يىللىرى نېئاپول كورۇلى بولۇپ، بىرنەچچە ئىسلاھاتنى يولغا قويغان. 1808 — 1813-يىللىرى ئىسپانىيە كورۇلى بولغان. بىر مەزگىل ئىسپانىيە قوزغىلاڭچى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن مادىرددىن قوغلانغان. ناپولېئون ئىككىنچى قېتىم تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ پاناھلانغان. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئىتالىيىگە كۆچۈپ كېلىپ فلۇرېنسىيىدە ئۆلگەن.

جوسېف فلاۋې

  • جوسېف فلاۋې[يەشمىسى:] (Josephus Flavius،تەخمىنەن مىلادى37 — 98-يىللىرى) قەدىمكى يەھۇدىي تارىخشۇناسى. ئېرۇسالىمدىكى دۆلەتمەن ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ياش ۋاقتىدا رىمغا كېلىپ مەلۇم يەھۇدىي دەۋا دېلوسىنى ئاقلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇ ئېرۇسالىمغا قايتىپ كەلگەندە دەل يەھۇدىيلار رىمغا قارشى قوزغىلاڭ(مىلادى 66-يىلى) كۆتۈرگەن بولۇپ، ئۇ بۇيرۇققا بىنائەن جۇتاپاتا (Jotapata) نى قوغداپ، ۋېسپاسىئان باشچىلىقىدىكى رىم قوشۇنلىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. شەھەر قولدىن كەتكەندىن كېيىن كەڭچىلىككە ئېرىشكەن ھەمدە ۋېسپاسىئان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى تىت كەلگۈسىدە ئىمپېرىيە ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ھۆكۈم قىلغان. مىلادى 70-يىلى قوزغىلاڭ باستۇرۇلۇپ، ئۇ تىت بىلەن رىمغا (بۇ چاغدا ۋېسپاسىئان ئىمپېراتور بولغان) كېلىپ رىم پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، فىلاۋىي خاندانلىقىدا ئەمەل تۇتقان. ۋېسپاسىئان ئۇنىڭغا «فىلاۋې» (Flavius) نامىنى ئىنئام قىلىپ، تاكى ئۆلگىچە رىمدا تۇرغۇزغان. ئۇ سىياسىي جەھەتتە رىمپەرەس. بىراق يەھۇدىي دىنى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە يەنىلا چوقۇنغان. ئۇنىڭ يۇنان تىلىدا يازغان ئەسەرلىرىدىن ئاساسلىقى «يەھۇدىيلار ئۇرۇشى تارىخى» ناملىق ئەسىرى بولۇپ،مىلادىدىن 170 يىل ئىلگىرى سېلېۋىكىيە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ئانتىئوكⅣ (Antiochus Epiphanes، مىلادىدىن ئىلگىرى 175 — 163 تەختتە بولغان) ئېرۇسالىمنى بېسىۋالغاندىن تارتىپ ئالدىنقى دەۋردىكى نۇرغۇنلىغان مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مىلادى 66-يىلىدىكى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن يەھۇدىيلار قوزغىلىڭى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى رىمغا قارشى ئۇرۇشنى تەپسىلىي بايان قىلىپ بەرگەن. «يەھۇدىيلارنىڭ قەدىمكى زامان تارىخى» ئەسىرىدە يەھۇدىيلار تارىخىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن 66-يىلغىچە بولغان ئەھۋالنى بايان قىلغان. بۇ ئىككى پارچە ئەسىرى قەدىمكى زامان تارىخىنى بولۇپمۇ قەدىمكى يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە «تەرجىمىھال» قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار.

جۇڭچى باج-سېلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى

  • جۇڭچى باج-سېلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى[يەشمىسى:] ۋيېتنامنىڭ جۇڭچى (ھازىر ئوتتۇرا قىسىم دەپ ئاتىلىدۇ) دېگەن يېرىدىكى دېھقانلارنىڭ فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى ۋە ۋيېتنام خائىنلىرىنىڭ باج-سېلىق يىغىشى ۋە ھاشارغا تۇتۇشىغا قارشى ئاممىۋى ھەرىكىتى. دەسلىپىدە ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلار قوزغىغان قىسقا چاچ قويۇش، قىسقا كىيىم كىيىش، دۆلەت مېلىنى ئىشلىتىش، يامان ئادەتلەرنى بىكار قىلىش، سودا-سانائەتكە ئەھمىيەت بېرىش، مەكتەپ قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى ئىدى. جۇڭچىدا «يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان. رەھبىرى پەنچوترىن قاتارلىقلار. ھەرىكەت «فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە باج تاپشۇرماسلىق» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، دېھقانلار ھەرىكىتىگە ئايلانغان.1908-يىلى 3-ئاينىڭ باشلىرىدا ئالدى بىلەن گۇڭنەن ئۆلكىسى دالۇ ناھىيىسىدە پارتلاپ، كېيىن جۇڭچىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە يېيىلغان. دېھقانلار باج-سېلىق يىغىش ۋە ھاشارغا تۇتۇشقا قارشى نامايىش قىلىپ، ئەمەلدارلارنى تۇتۇپ، خائىنلارنى جازالىغان. بەزى جايلاردا تەرەققىي قىلىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالىدىغان ئىسيانغا ئايلانغان. قاتناشقانلار قىسقا چاچ قويغانلىقتىن، قىسقا چاچلىقلار ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتالغان. كېيىن فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ باستۇرۇشى ئارقىسىدا يىمىرىلگەن، ئىلگىرى-كېيىن ئۈچ ئاي داۋاملاشقان.

جون

  • جون[يەشمىسى:] (1) جون (يەرسىز) (John Lakland، 1167 — 1216) ئەنگلىيە پىلانتاگېنېت خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1199 — 1226)، ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىⅡ نىڭ كەنجى ئوغلى. كىچىكىدە خوجىلىق زېمىنىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن «يەرسىز» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاكىسى رىچارد Ⅰ ئۈچىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسىنىڭ شەرققە قىلغان تاجاۋۇزىغا قاتناشقان مەزگىلىدە، فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ بىلەن بىرلىشىپ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋالماقچى بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشمىغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن فىلىپ Ⅱ بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇش قىلغان. 1214-يىل 7-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇۋىن (Boivines، فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمغا جايلاشقان) جېڭىدە، جون ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى ئوتتۇن Ⅳ قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، پلانتاگېنېت خاندانلىقىنىڭ فرانسىيىدىكى خوجىلىق زېمىنىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدىن مەھرۇم بولغان. كېنتېربېرى ئارخېئېپسكوپنى تاللاش ۋەقەسى تۈپەيلىدىن پاپا ئىنوكېنت Ⅲ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان، نەتىجىدە دىندىن چىقىرىلىپ، پادىشاھلىقتىن قالدۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا تىز پۈككەن ھەمدە يىلىغا مىڭ مارك (660 فوندستېرلىڭغا تەڭ) ئولپان تاپشۇرغان. ئىچكى جەھەتتە فېئودال ئادەتلەرنى ئۆز مەيلىچە ئاياغ ئاستى قىلىپ،باج-سېلىقنى كۆپەيتىپ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەبىقىلەرنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1215-يىلى 6-ئايدا، چوڭ ئاقسۆڭەكلەر رىتسارلار ۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇنى پادىشاھ ھوقۇقىنى چەكلەش بۈيۈك ئاساسىي نىزامىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان، ئۇزاق ئۆتمەي ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىغا (1216) سەۋەب بولغان. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئۇرۇش جىددىي داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە ئۆلگەن. (2) جان (ليۇكسېمبۇرگلىق) (Jan Lucembursky، تەخمىنەن 1296 — 1346). ليۇكسېمبۇرگ گرافى (1309-يىلىدىن تارتىپ)، چېخ كورۇلى (1310 — 1346). مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى ھېنرىخ Ⅶ نىڭ ئوغلى. تەختكە چىققاندىن كېيىن، دائىم چېخ پارلامېنتىنى چاقىرىپ تۇرغان، چېخ فېئوداللىرىغا نۇرغۇن ئىمتىياز بەرگەن. باۋارىيىلىك لۇئى (يەنى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى لۇئىⅣ) بىلەن ئۇزاق ۋاقىت كارىنتىيە (Carinthia، ھازىرقى ئاۋسترىيىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە) ۋە شىمالىي ئىتالىيىنى تالىشىپ كەلگەن. ئەنگلىيە-فرانسىيە يۈز يىللىق ئۇرۇشىدا، فرانسىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅵ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ئەنگلىيىگە قارشى تۇرغان؛ 1346-يىلى 8-ئايدا كرېسسى جېڭىدە ئۆلگەن. (3) يوھان (لېيدېنلىق)(Johann Von Leiden، تەخمىنەن 1510 — 1536). خرىستىئان دىنى قايتا چوقۇنغۇچىلار ۋە مىيونىستېر كوممۇنىسىنىڭ يولباشچىسى. نىدېرلاندىيىنىڭ لېيدېن (Leiden) دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئەسلى تىككۈچى بولۇپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە پورتۇگالىيە قاتارلىق ئەللەرگە بارغان. مونزېر تەلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1533-يىلى، نىدېرلاندىيە قايتا چوقۇنغۇچىلارنىڭ يولباشچىسى يوھان ماتس (Joham Maths) غا ئەگەشكەن. 1534-يىلىنىڭ باشلىرى مىيونىستېر (Munster، گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا) غا كەلگەن. شۇ يىلى 2-ئايدا مىيونىستېر كوممۇنىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ماتس بۇ كوممۇنىنىڭ يولباشچىسى بولۇپ سايلانغان. 4-ئايدا ماتس جەڭدە ئۆلۈپ يوھان ئۇنىڭ ئورنىنى بېسىپ، «يېڭى ئېرۇسالىم (ميونىستېر) كورۇلى» قىلىپ بەلگىلەنگەن. قايتا چوقۇنغۇچىلارنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرى بويىچە، كوممۇنا بەزى تەڭ تەقسىماتچىلىق تەدبىرلىرىنى قوللانغان. 1536-يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنى مىيونىستېر شەھىرى قولدىن كەتكەن، ئۇ ئەسىرگە چۈشۈپ ئىككىنچى يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.

جون بروۋن قوزغىلىڭى

  • جون بروۋن قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] ئامېرىكىدا قۇللۇقنى بىكار قىلىش ھەرىكىتى داۋامىدا، نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەر بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان قوراللىق قوزغىلاڭ. ئاق تەنلىك جون بروۋن (John Brown، 1800 — 1859) رەھبەرلىك قىلغان. 1859-يىل 10-ئاينىڭ 16-كۈنى كېچىسى بروۋن قاتارلىق 21 كىشى ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ شىمالىدىكى ھارپېرس كېچىكىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قورال-ياراق ئىسكىلاتىنى بىر مەھەل بېسىۋېلىپ، ئەتراپتىكى قۇللارنى ئازاد قىلغان. لېكىن سان جەھەتتىكى پەرقنىڭ چوڭ بولغانلىقى تۈپەيلىدىن قوزغىلاڭ ئاخىر مەغلۇپ بولۇپ، قوزغىلاڭچىلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىنى تېزلەتكەن.

جونسون

  • جونسون[يەشمىسى:] (1) ئاندىرېۋ جونسون (Andrew Johnson، 1808 — 1875) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1865— 1869). شىمالىي كارولىنا شتاتىدىكى بىر چېركاۋ لاۋازىمەتچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئاتىسىدىن يېتىم قېلىپ، مۇنتىزىم تەربىيىگە ئېرىشەلمىگەن. گىرىنۋىل شەھىرىنىڭ ئالىي پالاتا ئەزاسى ۋە شەھەر باشلىقى بولغان.1835— 1843-يىللىرى تېننېس شتاتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋە ئالىي پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1843 — 1853-يىللىرى قوشما شتات پارلامېنتى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان. 1853 — 1857-يىللىرى تېننېس شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1857 — 1862-يىللىرى قوشما شتات ئالىي پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. سىياسىي جەھەتتە لىنكولىن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ، قوشما شتاتنىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىپ قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1862-يىلى تېننېس شتاتى ھەربىي قوماندانى بولغان.1864-يىلى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. 1865-يىلى 4-ئايدا لىنكولىن سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئورنىغا زۇڭتۇڭ بولغان. جەنۇبنى قايتا قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسىدە لىنكولىننىڭ سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، نېگىرلارغا سايلام ھوقۇقىنى بېرىش توغرىسىدىكى «پۇقرالار ھوقۇقى قانۇن لايىھىسى» ۋە جەنۇبتىكى ئىسيان كۆتۈرگەن شتاتلارغا قارىتا ھەربىي باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشتىكى 1867-يىلىدىكى جەنۇبنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسىنى رەت قىلغان، لېكىن پارلامېنتنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ ئىشقا ئاشمىغان. زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە 7 مىليون 200 مىڭ دوللار خەجلەپ روسىيىدىن ئالياسكىنى سېتىۋالغان. (2) ۋىلھىلم ليۇدۋىگ جونسون (Wilhelm Ludwig Johannsen، 1857 — 1927) دانىيىلىك بوتانىك ۋە ئىرسىيەتشۇناس. كوپېنھاگېن، گېرمانىيە، فىنلاندىيىلەردە ئوقۇغان. دانىيە يېزا ئىگىلىك ئىلمىي تەتقىقات ئىنستىتۇتى ۋە كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. يېسى پۇرچاق ئۇرۇقىنى تاللاش تەجرىبىسى بىلەن نەتىجە قازىنىپ «ساپ لىنىيە تەلىماتى»نى بەرپا قىلغان ھەمدە ئىرسىيەت ھادىسىلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا شەرھلەپ، گېن، ئىرسىيەت تىپى، ئىپادىلىنىش تىپى قاتارلىقلارغا تەبىر بەرگەن. «ئىرسىيەت مۇھىم ئامىللىرى»، «تارىخى ۋە تەجرىبە تەتقىقاتتىن ئىرسىيەتكە نەزەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (3) لىيىندون بېنىس جونسون (Lyndon Baines Johnson، 1908 — 1973) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1963 — 1969). دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. تىكساس شتاتىدىكى يېزا ئىگىلىك مەيدانى خوجايىنى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. غەربىي جەنۇب پېداگوك ئىنستىتۇتىنى تۈگەتكەن. ئوتتۇرا مەكتەپ مۇئەللىمى بولغان. 1937 — 1948-يىللىرى ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان. 1949 — 1961-يىللىرى ئالىي پالاتا ئەزاسى بولغان. 1961-يىلى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1963-يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنى، كېننېدى سۇيىقەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا زۇڭتۇڭ بولغان. زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە «چوڭ ئىجتىمائىيلىشىش»نى بەرپا قىلىش پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قانداقتۇر «نامراتلىققا قارشى جەڭ قىلىش» ئۈستىدە قۇرۇق گەپ ساتقان، نامرات نېگىرلارنىڭ توپىلىڭى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن. سىرتقا قارىتا ۋيېتنامغا بولغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىنى بومباردىمان قىلغان. جەنۇبىي ۋيېتنامدىكى ئەسكىرىنى كۆپەيتكەن. قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلغۇچى ئەترىتىنى دومىنكىغا ئەۋەتىپ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقان، ئۇنىڭ «جونسۇن ئەسلىمىلىرى» ناملىق ئەسىرى بار.

جونسۇن

  • جونسۇن[يەشمىسى:] (Samuel Johnson، 1709 — 1784) ئەنگلىيە يازغۇچىسى، شائىرى، ئەدەبىي تەنقىدچىسى. 1728-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇغان. بىر يىلدىن كېيىن ئوقۇشتىن توختاپ قالغان كېيىن كىتاپپۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ سىياسىي كۆز قارىشى كونسېرىۋاتىپ بولغان. ئۇ تۇنجى «ئىنگلىز تىلى لۇغىتى»نى تۈزۈپ چىققان. «شىكىسپېر درامىلىرى توپلىمى» نى تەھرىرلەپ ئىزاھلاپ چىققان. ئۇنىڭ «ئىنسانلار ئۈمىدىنىڭ خىياللىقى» ناملىق شېئىرى، «راسېلىس» ناملىق ھېكايىسى «شائىرلار تەرجىمىھالى» ناملىق باھا خاراكتېرلىك تەرجىمىھال ئەسەرلىرى بار.

جون كالا

  • جون كالا[يەشمىسى:] ئەنگلىيە ياكى ئىنگلىزلارنىڭ لەقىمى. ئەڭ دەسلەپ ⅩⅧ ئەسىردە ئۆتكەن ئەنگلىيە يازغۇچىسى جون ئاربۇتنوت (John Arbuthnot، 1667 — 1735) ئۆزىنىڭ «جون بۇلنىڭ تارىخى» ناملىق رومانىدا بىر قاشاڭ ئەمما ئىرادىلىك دوغىلاق مۆتىۋەرنىڭ ئوبرازىنى (بۇل-bull «كالا» مەنىسىدە بولۇپ، چاقچاق قىلىپ «جون كالىسى» دەپ ئاتىغان) يارىتىپ، ئەينى زاماندا تەرسالىق بىلەن ئۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ كەلگەن ۋىگلارنى مەسخىرە قىلغان. كېيىن ئومۇمەن ئەنگلىيە ياكى ئىنگلىزلارنى كۆرسەتكەن.

جون كاي

  • جون كاي[يەشمىسى:] (John kay، 1704 — 1764). ئەنگلىيە كەشپىياتچىسى ۋە مېخانىكى. 1733-يىلى موكىنى كەشپ قىلىپ، رەخت توقۇش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلەتكەن. بىراق بەزى توقۇمىچىلىق فابرىكا خوجايىنلىرى ئوغرىلىقچە تەقلىد قىلىپ ياساپ، ئۇنىڭغا ھەق بەرمىگەن. ئۇ ئاخىرى نامراتلىقتا ئالەمدىن ئۆتكەن.

جون لاۋ

  • جون لاۋ[يەشمىسى:] (John Law، 1671 — 1729) فرانسىيە مىركانتىلىزمنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئۆتكەن مالىيە سەرراپى. شوتلاندىيە ئېدىنبۇرگدىكى بىر زەرگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دۇئىلغا چىقىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقتىن، ئامىستېردام شەھىرىگە قېچىپ بېرىپ، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. شوتلاندىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 1705-يىلى پارلامېنتقا قەغەز پۇل تارقىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بانكا قۇرۇپ چىقىش تەكلىپىنى بەرگەن. بىراق رەت قىلىشقا ئۇچرىغان. ئۇنىڭ فرانسىيىگە كەلگەن ۋاقتى دەل لۇئى ⅩⅣ ئۆلۈپ، مالىيە قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان ۋاقىتقا توغرا كەلگەچكە نائىب شاھ گرېتسوگ ئورلىئاننىڭ قوللىشى بىلەن 1716-يىلى قەغەز پۇل تارقىتىدىغان بىر خۇسۇسىي بانكا قۇرغان. 1718-يىلى پادىشاھلىق بانكىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1720-يىلى مالىيە باش تەپتىشى بولغان. ئۇنىڭ پىلانى ھايانكەشلىك ئەسەبىيلىكى ۋە پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، بىرقانچە يىلدىلا ئىناۋىتى تۆكۈلۈپ بەربات بولغان. فرانسىيىدىن ئايرىلغاندا رەسۋاسى چىقىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىنى ۋېنتسىيىدە قىمارۋازلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ پىلانىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى فرانسىيە مېركانتىلىزم دەۋرىنىڭ ئاياغلىشىشىنى تېزلەتكەن. ئۇنىڭ «پۇل ۋە سودا-دۆلەتنى پۇل بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا تەكلىپ» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

جونسون

  • جونسون[يەشمىسى:] (Ben Jonson، تەخمىنەن 1573 — 1637)، ئەنگلىيىلىك دراماتورگ، شائىر. نامرات پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ۋېستمىنستېر مەكتىپىدە ئوقۇغان. نېدېرلاندقا بېرىپ، ئىسپانىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن لوندوندا ئارتىس بولغان. ئۇنىڭ درامىلىرىنىڭ تولىسى شېئىر ئارقىلىق يېزىلغان بولۇپ، شەكلى كومېدىيە، تراگېدىيە ۋە مەخسۇس ئوردىدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىشى ئۈچۈن ئوينىلىدىغان نىقابلىق دراما قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، كومېدىيىلىرى مەشھۇر. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئىندىۋىدۇئاللىقنىڭ ئۆزگىچىلىكى»، «كىشىلەرنىڭ خۇمارى»،«ئالتۇن تاۋلىغۇچى»، «باسدولو بازىرى» قاتارلىقلار بار.

جونېس

  • جونېس[يەشمىسى:] (Ernest Charles Jones، 1819 — 1869)، ئەنگلىيە ئاساسىي نىزامچىلار ھەرىكىتىنىڭ سولقانات داھىيلىرىنىڭ بىرى، شائىر. گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدىلا ماركس، ئېنگېلسلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە ياردىمى ۋە تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەمدە «كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى» غا كىرگەن. 1846-يىلى ئاساسىي نىزامچىلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، سولچى داھىيلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. «قۇتۇپ يۇلتۇزى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللارنىڭ باش تەھرىرى بولغان. 1848 — 1850-يىللاردا ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلغان دەپ قارىلىنىپ، تۈرمىگە سولانغان. ئاساسىي نىزامچىلار ھەرىكىتى تۇرغۇنلۇق ھالىتىگە پەسەيگەندىن كېيىن، بۇرژۇئازىيە رادىكاللىرى بىلەن مۇرەسسەلەشكەن. 60-يىللاردا بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتنىشىپ، ماركس تەرەپتە تۇرغان. ئەنگلىيە ئىشچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نۇرغۇن شېئىر ۋە ھېكايىلەرنى يېزىپ، كاپىتالىزم تۈزۈمىنىڭ جىنايىتىنى پاش قىلغان. ئاساسلىق شېئىرلىرى «تۆۋەن قاتلام سىنىپنىڭ ناخشىسى»، «ياللانما دېھقان ناخشىسى»، «ئىشچىلار ناخشىلىرى»، «ھىندىستان قوزغىلىڭى ياكى يېڭى دۇنيا» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

جونېس قانۇنى

  • جونېس قانۇنى[يەشمىسى:] «فىلىپپىن ئاپتونومىيە قانۇنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننى مۇستەملىكە قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش قانۇنى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جونېس (William Atkinson Jones) ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 1916-يىل 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان. ئاساسىي مەزمۇنى: ئامېرىكا-فىلىپپىن ئارىلاشما كومىتېتىنى تارقىتىۋېتىپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى فىلىپپىن كېڭەش، ئاۋام پالاتالىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، فىلىپپىنلىك ئەمەلدارلارنى كۆپەيتىپ، فىلىپپىن ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق بېرىش؛ مەمۇرىي ھوقۇق ئامېرىكا باش ۋالىيسىنىڭ قولىدا بولۇش، باش ۋالىيدا چىقىرىلغان قانۇننى ئىنكار قىلىش ھوقۇقى بولۇش؛ فىلىپپىندا «مۇقىم ھۆكۈمەت» قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇنىڭ «مۇستەقىل» بولۇشىغا رۇخسەت قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئامېرىكا بۇ قانۇن ئارقىلىق فىلىپپىن خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى كەيپىياتىنى پەسەيتىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغان.

جوئۇل

  • جوئۇل[يەشمىسى:] (James Preseott Joule، 1818 — 1889). ئەنگلىيىلىك فىزىك. تېرمو ئېنىرگىتكا، ئېنېرگىتىكا، تېرمو مېخانىكا قاتارلىق جەھەتلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ناھايىتى چوڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن. ئىسسىقلىقنىڭ ئىش ئېكۋىۋالېنتىنى ئۆلچەپ چىقىپ، ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىش ۋە ئالمىشىش قانۇنىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. 1840-يىلى توك ئېقىمى ئۆتكۈزگۈچ جىسىمدىن ئۆتكەن چاغدا ئىسسىقلىق پەيدا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى «جوئۇل-لىنس قانۇنى» نى كەشپ قىلغان.

جوئېئى نىزامى

  • جوئېئى نىزامى[يەشمىسى:] ياپونىيە كاماكۇرا باكۇ شوگۇنلىقىنىڭ ئاساسىي قانۇنى. 1232-يىلى (ياپونىيە جوئېئىنىڭ بىرىنچى يىلى) ھاكىم ھوجو ياسۇتوكى تۈزگەن. بۇ نىزامدا سامۇرايلارنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى مۇستەھكەملەش مەقسەت قىلىنغان. جەمئىي 51 ماددا. مىناموتو يورىتومودىن بۇيانقى سامۇرايلارنىڭ ئادەت قانۇنى ۋە ھۆكۈمنامە مىساللىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سامۇرايلارنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى، يەر ۋە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تۈزۈمى، ھەربىي-مەمۇرىي قوماندانلار، بەگ-خوجىلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقى، ھەق-تەلەپ جازا قانۇنلىرى، ئۇرۇقداشلارنىڭ ۋارىسلىقى قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. تۈزگەندە باكۇ شوگناتنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدىكى رايونلاردىلا يولغا قويۇلغانلىقتىن «كانتون نىزامى» دەپمۇ ئاتالغان؛ كېيىن دائىرىسى بارا-بارا كېڭەيتىلىپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك تۈپ قانۇنغا ئايلانغان. كاماكۇرا باكۇ شوگناتلىقى ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. تەسىرى توكۇگاۋا دەۋرىگىچە داۋاملاشقان. تۈزۈپ چىققاندىن كېيىن ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن قوشۇمچە بەلگىلىمە چىقىرىپ، بۇنى «تولۇقلانغان نىزام» دەپ ئاتىغان.

جۇئارىز

  • جۇئارىز[يەشمىسى:] (Benito Pablo Juarez، 1806 — 1872). مېكسىكىنىڭ مىللىي قەھرىمانى، زۇڭتۇڭى (1858 — 1872). نامرات ئىندىئان دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قانۇن مەكتىپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئادۋوكات بولغان. 1847 — 1852-يىللىرى ئوخاكا شتاتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىللىرىدە ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشنى تەشكىللىگەن. 1853-يىلى سان ئاننانىڭ مۇستەبىتلىكىگە قارشى چىققانلىقتىن چېگرىدىن قوغلانغان. 1854-يىلى مېكسىكىغا قايتىپ كەلگەن. 1855-يىلى ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان. 1857-يىلى لىبېرالىستلار ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلغان. 1858-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەنگەن. 1859-يىلى راھىبلار ۋە ئارمىيىنىڭ ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلىدىغان ئىسلاھات قانۇنى (جۇئارىز قانۇنى) نى ئېلان قىلغان. چېركاۋنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىۋېتىشنى جاكارلىغان. شۇنىڭدەك دىنىي جەمئىيەت، چوڭ يەر ئىگىلىرىنى چەكلەيدىغان ۋە ئىندىئانلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان بىرقاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. ئىچكى ئۇرۇشتا (1856 — 1860) ئەكسىيەتچىلەرنى تارمار كەلتۈرۈپ غەلىبە قازانغان. 1861-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1862 — 1867-يىللىرى ناپولېئون Ⅲ نىڭ مېكسىكىغا قىلغان تاجاۋۇزىنى تارمار كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىكىنى قوغداپ قالغان.

جۇئانⅡ

  • جۇئانⅡ[يەشمىسى:] (Juan Ⅱ، 1389 — 1479) ئاراگون كورۇلى (1458 — 1479) ۋە ناۋاررا كورۇلى(1425ياكى1442— 1479). ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى 1462 — 1472-يىللاردىكى كاتالۇنا دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە 1471 — 1472-يىللاردىكى كاتالۇنا شەھەر قوزغىلىڭىنى باستۇرغان ھەمدە فرانسىيە كورۇلى لۇئى Ⅺ بىلەن ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە ئۇرۇش قىلغان. 1469-يىلى، جۇئان Ⅱ نىڭ ئوغلى فېرناند كاستىللا كورۇلىنىڭ تەخت ۋارىسى مەلىكە ئىسابېللا بىلەن توي قىلغان. 1479-يىلى ئاراگون بىلەن كاستىللانى قوشۇۋېتىپ ئىسپانىيىنىڭ بىرلىكىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرغان.

جۇبا دۆلىتى

  • جۇبا دۆلىتى[يەشمىسى:] قەدىمكى دۆلەت نامى. ئورنى ھازىرقى سومالىدىكى جۇبا (Juba) دەرياسىنىڭ ئېغىزى ئەتراپىغا جايلاشقان. جېڭ خې دېڭىز ئارقىلىق بۇ يەرگە بارغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇڭلې يىللىرىدا جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. «مىڭ سۇلالىسى تارىخى. چەت ئەللەر تەزكىرىسى» ۋە «قولۋاق بىلەن يۇلتۇزلار ئارا زىيارەت» تە مەخسۇس خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان.

جۇخۇ

  • جۇخۇ[يەشمىسى:] (Leon Jouhoux،1879— 1954) فرانسىيە باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سېكرىتارى. خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. ئىلگىرى ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان، كېيىن ئانارخو سىندىكالىزمىنى ياقلىغان. 1909-يىلىدىن باشلاپ فرانسىيە باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سېكرىتارى بولۇپ ئىشلىگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە شوۋېنىزملىق مەيداندا چىڭ تۇرغان. ئۇرۇشتىن كېيىن فرانسىيىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە پارىژ سۈلھ كېڭىشىگە قاتناشقان. 1919— 1940-يىللىرىغىچە خەلقئارا ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ ئەزاسى ۋە ئامىستېردام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خەلقئارالىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان، شۇنداقلا خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. جۇخۇ ئىزچىل تۈردە ئىسلاھاتچىلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى تۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە نېمىس ئارمىيىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. 1945-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن. شۇ يىلى فرانسىيە باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سېكرىتارى ۋە دۇنيا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.1947-يىلى فرانسىيە باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن «ئىشچىلار كۈچى» ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنى قۇرغان؛ شۇ يىلى فرانسىيە ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1949-يىلىدىن باشلاپ ياۋروپا تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1951-يىلى نوبېل تىنچلىق ئوردېنىغا ئېرىشكەن.

جۇسې دې كۇئېروز

  • جۇسې دې كۇئېروز[يەشمىسى:] (Jose Maria Eca Queiroz، 1845 — 1900) پورتۇگالىيە يازغۇچىسى. 1866-يىلى كوئىمبرا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1872 — 1874-يىللاردا پورتۇگالىيىنىڭ كۇبا ھاۋانادا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان. 1874 — 1888-يىللىرى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئەنگلىيە نيۇكاسىل ۋە برىستولدا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان. 1888 — 1900-يىللاردا فرانسىيە پارىژدا تۇرۇشلۇق كونسۇل بولغان. پارىژدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ «پوپ ئاماللونىڭ جىنايىتى»، «نەۋرە ئاكام باشلې»، «تەۋەررۈك»، «مايالىقلار»، «شەھەر ۋە تاغ»، «لەيمىرباي» قاتارلىق رومانلىرى بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپلىگەن پوۋېست، نەسىر، ساياھەت خاتىرىلىرى قاتارلىقلارنى يازغان.

جۇغراپىيىۋى زور بايقاش

  • جۇغراپىيىۋى زور بايقاش[يەشمىسى:] غەرب تارىخشۇناسلىقىنىڭ ⅩⅧ — ⅩⅤ ئەسىرلەردىكى ياۋروپا دېڭىزچىلىرىنىڭ بىر قاتار دېڭىز سەپىرى پائالىيەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىشى. بۇ، ئاساسەن: 1492-يىلى كولومبونىڭ ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىشى؛ 1498-يىلى داگامانىڭ غەربىي ياۋروپادىن يولغا چىقىپ، ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي تۇمشۇقىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ھىندىستانغا بارىدىغان دېڭىز يولىنى ئېچىشى؛ 1519 — 1522-يىللىرى ماگېللان ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم يەر شارىنى ئايلىنىپ چىقىشى؛ 1642— 1643-يىللىرى گوللاندىيىلىك ئابېل تاسمان (Abel Tasman) نىڭ ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە تاسمانىيە (Tasmania، تاسمان دېگەن ئىسىمدىن كەلگەن) گە بېرىشى؛ 1728-يىلى روسىيىگە ياللانغان دانىيىلىك بېرىڭ (Vitus Bering) نىڭ ئاسىيا-ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بوغۇزدىن (كېيىن بېرىڭ بوغۇزى دەپ ئاتالغان) ئۆتۈشىدىن ئىبارەت. يېڭى دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشى دۇنيا بازارلىرىنى كېڭەيتىپ، تاۋار ئوبوروتى خىللىرىنى ئاشۇرۇپ، مۇستەملىكىلەرنى تالان-تاراج قىلىشقا يول ئېچىپ، نەتىجىدە، ياۋروپادا «باھا ئىنقىلابى» بولۇپ، ياۋروپانىڭ سودا مەركىزى بارا-بارا ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىن ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىغا يۆتكەلگەن. «جۇغراپىيىۋى زور بايقاش» دېگەن بۇ سۆزنى ئىشلىتىش ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ياۋروپانى مەركەز قىلغان بۇرژۇئازىيىنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشىنى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

جۇففرې

  • جۇففرې[يەشمىسى:] (Joseph Jacques Gesaire Joffre، 1852 — 1931) فرانسىيە مارشالى. كىچىك ۋاقتىدا پارىژ ئۇنىۋېرسال تەبىئىي پەن مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1885-يىلىدىكى جۇڭگونىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىگە، 1894-يىلىدىكى ئافرىقىدىكى تىنباكىتو (ھازىر مالىغا تەۋە) ۋە 1897-يىلىدىكى ماداغاسقار قاتارلىق جايلارغا ئېلىپ بېرىلغان مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1911-يىلى باش شتاب باشلىقى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندا غەربىي سەپتىكى فرانسىيە قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى بولغان. ئۇنىڭ گېرمانىيىگە تاجاۋۇز قىلىش پىلانى گېرمانىيە قوشۇنىنىڭ بېلگىيە ۋە فرانسىيىنىڭ شىمالىغا تېز يۈرۈش قىلغانلىقى ئۈچۈن مەغلۇپ بولغان. 1914-يىل 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 1-قېتىملىق مارنې جېڭىنى قوزغاپ، گېرمانىيە قوشۇنىنىڭ سىلىفېن پىلانىنى بىتچىت قىلغان. 1915-يىلى 12-ئايدا فرانسىيە قوشۇنىنىڭ ئالىي قوماندانى بولغان. 1916-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىستېپا بېرىپ، شۇ كۈنى فرانسىيە مارشاللىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. «ئەسلىمىلەر» دېگەن ئەسىرى بار.

جۇڭقۇرۇش مەھكىمىسى

  • جۇڭقۇرۇش مەھكىمىسى[يەشمىسى:] چاۋشيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى زوراغالىق مەھكىمىلىرىنىڭ بىرى. جىڭخۇ، چاڭدې قاتارلىق خان ئوردىلىرىدا تەسىس قىلىنغان. پادىشاھنىڭ يارلىقىنى چۈشۈرۈش ۋە ئەمەلدارنىڭ يۇقىرىغا سۇنغان پىكىرلىرىنى ئاڭلاش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل. ئەسلى كورىيىنىڭ چىڭزۇڭ (981 — 997) زامانىسىدا تەسىس قىلىنغان زوراغالىق مەھكىمىسىدىن كېلىپ چىققان. لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى زوراغالىق مەھكىمىسى ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرغان، پادىشاھنىڭ يارلىقلىرىنى چۈشۈرگەن. 1400-يىلى (دېڭزۇڭنىڭ 2-يىلى) ئەمەلدارلار تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىپ، زوراغالىق مەھكىمىسى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن. ئۈچ ھەربىي مەھكىمە تەسىس قىلىنىپ، ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرغان. جۇڭقۇرۇش مەھكىمىسى پادىشاھ يارلىقىنى ئېلان قىلىدىغان بولغان. ئىككىنچى يىلى زوراغالىق مەھكىمىسىگە قوشۇۋېتىلگەن، شىزۇ (1455 — 1468-يىلى تەختتە) زامانىسىدا قايتىدىن جۇڭقۇرۇش مەھكىمىسىنى تەسىس قىلغان. «يۇرت سوراش قانۇنلىرى» دا بەلگىلىنىشىچە، پايتەخت جۇڭقۇرغۇچىسى، ئوڭ، سول جۇڭقۇرغۇچى، ئوڭ، سول مۇئاۋىن جۇڭقۇرغۇچى بولۇپ، ھەر-بىرىگە بىردىن ئادەم تەيىنلەنگەن، جۇڭقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇقى بەزىدە كېڭەش ھۆكۈمىتىدىنمۇ يۇقىرى بولغان. 1894-يىلى (گاۋزۇڭنىڭ 31-يىلى) جياۋۇ ئىسلاھاتى مەزگىلىدە پەرمان مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئوردىنىڭ ئىچىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، ئەسلىدىكى ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان.

جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتاب

  • جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتاب[يەشمىسى:] ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتاب دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1949-يىل 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ جياڭ جيېشى ھاكىمىيىتىنى قوللاش سىياسىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى «ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى» دېگەن ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلغان. تېكىستى سەككىز بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا 1844-يىلى ئامېرىكا جۇڭگونى «ۋاڭشيا شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغاندىن تارتىپ 1949-يىلى جۇڭگو ئىنقىلابى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئاساسەن غەلىبە قازانغانغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتى بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن مەقسەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى ئاقلاش، ئۆز سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئاقلاشتىن ئىبارەت. ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ماۋ زېدۇڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «خام خىياللارنى تاشلاپ، كۈرەشكە تەييارلىنىڭلار»، «خەير ئەمىسە، سىتوئارت لېيتون»، «ئاق تاشلىق كىتاب نېمە ئۈچۈن مۇھاكىمە قىلىنىدۇ»، «<دوستلۇق> مۇ ياكى تاجاۋۇزچىلىقمۇ؟»، «ئىدېئالىستىك تارىخىي قاراشنىڭ بەربات بولۇشى» دېگەن بەش پارچە ماقالىنى ئېلان قىلىپ، «ئاق تاشلىق كىتاب» قا باھا بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ جاھانگىرلىك ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ يۈز بېرىشى ۋە غەلىبە قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنى شەرھلەپ بەرگەن.

جۇڭگوشۇناسلىق

  • جۇڭگوشۇناسلىق[يەشمىسى:] چەت ئەل كىشىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ تىل، ئەدەبىيات، تارىخ، ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق تەرەپلىرىنى تەتقىق قىلىشىدىكى پەن. كونا ئىسمى «خەنزۇشۇناسلىق» بولۇپ، جۇڭگو ئىلمىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان كىشىلەر «خەنزۇشۇناس» دەپ ئاتىلاتتى.

جۇلىئېن

  • جۇلىئېن[يەشمىسى:] (Stanislas Aignan Julien، 1799 — 1873) فرانسىيىلىك خەنزۇشۇناس. كىچىكىدىنلا قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، خەنزۇچە، مانجۇچە، موڭغۇلچە، سانسكرىتچە ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تىلىنى ئىگىلىگەن. 21 ياشتا فرانك شۆيۈەنىدە خەنزۇشۇناس لەيمۇشانىڭ ياردەمچىسى بولغان. 1832-يىلى خەنزۇچە لېكسىيە پروفېسسورى بولغان 1833-يىلىدىن باشلاپ فرانسىيە مېتال ۋە تاش ئابىدىلەر شۆيۈەنىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1839-يىلى پادىشاھلىق كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1854-يىلى فرانك شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغان ھەمدە ئىمپېرىيە كۇتۇپخانىسىدىكى جۇڭگو بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. ئۆز كۈچىنى جۇڭگو مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىش ۋە جۇڭگونىڭ قەدىمىي شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلىش-تونۇشتۇرۇش ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «خەنزۇ تىلى ھەققىدە يېڭى تەھلىل»، تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن «شۇەنزاڭنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ساياھىتى» قاتارلىقلار بار.

جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇنجى يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن

  • جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇنجى يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن[يەشمىسى:] يەنى «1793-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن».

جۇمھۇرىيەتنىڭ سەككىزىنچى يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن

  • جۇمھۇرىيەتنىڭ سەككىزىنچى يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن[يەشمىسى:] يەنى «ناپولېئون ئاساسىي قانۇنى».

جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۈچىنچى يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن

  • جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۈچىنچى يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن[يەشمىسى:] يەنى «فرانسىيىنىڭ 1795-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنى».

جۇمېڭ

  • جۇمېڭ[يەشمىسى:] چاۋشيەن رىۋايەتلىرىدىكى كوگۇريو دۆلىتىنى قۇرغۇچى. «پادىشاھ كۋاڭگا ئېتىئونىڭ قەبرە تېشى» دىكى ئويمىدا زوئۇموۋ دېيىلگەن. بۇ رىۋايەت «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى»، «ئۈچ پادىشاھلىق تارىخىدىن خاتىرە»، «شەرقىي پادىشاھلىقتىكى باش ۋەزىر لى ھەققىدە»، «ئۈچ پادىشاھلىقتا بولغان ئىشلار» دېگەن كىتابلارغا يېزىلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە: پادىشاھ فۇيۈك خېبونىڭ قىزىنىڭ دىدىكى لياۋخۋانى بىر ئۆيگە سولاپ قويۇپتۇ، ئۇ قۇياش نۇرىدا ھامىلدار بولۇپ، ئوغۇل تۇغۇپتۇ، ئۇ بالىلىق چېغىدىلا ئۇستا مەرگەن بوپتۇ، فۇيۈكلەرنىڭ ماقال-تەمسىللىرىدە ئۇستا مەرگەن دېگەننى جۇمېڭ دەپ ئاتىغاچقا، مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىپتۇ. ئۇ چوڭ بولغاندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقتىن، فېيلىيۇ دەرياسى (ھازىرقى يالۇجياڭ دەرياسىنىڭ بىر ئېقىمى بولغان تۇڭجياجياڭ دەرياسى) ئەتراپىغا قېچىپ كېتىپتۇ. ئۇ مىلادىدىن 37 يىل ئىلگىرى (خەنيۇەندېنىڭ جيەنجاۋ ئىككىنچى يىلى) گۇچېڭ (ھازىرقى لياۋنىڭ ئۆلكىسى خېڭ رېن ناھىيىسى ئۇنۈشەن بازىرى) دا كوگۇريو دۆلىتىنى قۇرغان. مىلادىدىن 19 يىل ئىلگىرى ئۆلگەن. نامى شەرقتىكى دانا پادىشاھ دەپ ئاتالغان. چاۋشيەندە قەدىمكى زاماندا جۇمېڭنى دۆلەت قۇرغۇچى ئۇلۇغ بوۋا دەپ ئاتاپ، پخىنياندا شەرقتىكى دانا پادىشاھ ئىبادەتخانىسىنى ياساپ، ھەر يىلى نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزگەن.

جۇنىن جېڭى

  • جۇنىن جېڭى[يەشمىسى:] 1824-يىلى لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدىكى مۇھىم جەڭ. پېرۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى جۇنىن (Junin) يايلىقىدا كەسكىن جەڭ بولغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان.1824-يىلى بولىۋار ئون مىڭ كىشىلىك قوزغىلاڭچى قوشۇننى باشلاپ پېروغا ھۇجۇم قىلىپ، لىمانىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلغان. 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇنىن يايلىقىدا قوزغىلاڭچى قوشۇن بىلەن ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى قاتتىق جەڭ قىلغان، قوزغىلاڭچى قوشۇن دۈشمەننىڭ ئارقا تەرىپىگە ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئىسپانىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 345 ئادىمىنى يوقاتقان، 80 ئادىمىنى ئەسىر ئالغان، كۆپلىگەن قورال-ياراقلارنى غەنىيمەت ئالغان. ئىسپانىيە ئارمىيىسى پېرونىڭ جەنۇبىدىكى ئاپۇرىماك (Apurimac) قا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن پېرونىڭ دېڭىز بويلىرىنى ۋە ئوتتۇرا قىسمىنى كونترول قىلغان. شۇ قېتىمقى جەڭ پېرونىڭ پۈتۈن زېمىنىنى ئازاد قىلىشقا تۆھپە قوشقان.

جۇھور دۆلىتى

  • جۇھور دۆلىتى[يەشمىسى:] (Johore) مالايادىكى سۇلتانلىق. خۇجۇڭ دۆلىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1511-يىلى مالاككا دۆلىتىنىڭ پايتەختى مالاككانى پورتۇگالىيىلىكلەر ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، سۇلتان ماھمۇد مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى جۇھور رايونىغا بېرىپ پاناھلىنىپ، جۇھور دۆلىتىنى قۇرغان. ئۇنىڭ دائىرىسى سىنگاپور ئارىلى ۋە رىئائۇ تاقىم ئاراللىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پايتەختى بىنتان (Bintan) ئارىلىغا قۇرۇلغان. 1526-يىلى بىنتان ئارىلىنى پورتۇگالىيىلىكلەر ئىشغال قىلىۋالغان. ماھمۇدنىڭ ئوغلى ئالاۋۇددىن تەختكە چىققاندىن كېيىن، 1530-يىلى مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا كونا جۇھورنى (Johorelama) يېڭىباشتىن قۇرغان. جۇھور دۆلىتى ئۇزاق ۋاقىت مالاي خەلقىغە رەھبەرلىك قىلىپ پورتۇگالىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرغان. 1587-يىلى كونا جۇھورنى پورتۇگالىيىلىكلەر يەنە ئىشغال قىلىۋېلىپ، پايتەختنى باتوساۋارغا (Batu Sawar) كۆچۈرگەن. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن كېيىن، گوللاندىيە، ئەنگلىيە كەينى-كەينىدىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 1824-يىلى، سىنگاپور ئەنگلىيىگە رەسمىي بۆلۈپ بېرىلگەن. 1914-يىلى، جۇھور ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىغا ئۆتكەن.

جۇۋۇجىن نەنشيۇڭ (ئىنوماتا تسۇنائو)

  • جۇۋۇجىن نەنشيۇڭ (ئىنوماتا تسۇنائو)[يەشمىسى:]1889 — 1942)، ياپونىيە سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنىڭ ئەربابى. نىگاتا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ۋاسىدا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1915-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇغان. 1921-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋاسىدا داشۆسىنىڭ لېكتورلۇقىغا تەيىنلەنگەن. 1922-يىلى ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1923-يىلى قولغا ئېلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي تۈرمىدىن ۋاقىتلىق قويۇپ بېرىلگەن. كېيىن پارتىيىدىن ئايرىلغان، ياماكاۋا قاتارلىقلار بىلەن بىللە «ئەمگەكچى دېھقانلار گۇرۇھى» غا قاتنىشىپ، كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئىككى باسقۇچلۇق ئىنقىلاب نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغان. 1937-يىلى خەلق فرونتى ۋەقەسى تۈپەيلىدىن يەنە قولغا ئېلىنىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن ئاغرىپ قېلىپ قويۇپ بېرىلگەن.«پۇل-مۇئامىلە كاپىتالى توغرىسىدا»، «جاھانگىرلىك ھەققىدە تەتقىقات»، «ھازىرقى زامان ياپونىيە ھەققىدە تەتقىقات»، «يېزا مەسىلىسى ھەققىدە مۇقەددىمە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

جۇۋېنال

  • جۇۋېنال[يەشمىسى:] (Decimus Junius Juvenalis، تەخمىنەن مىلادى 60 — 140) قەدىمكى رىمنىڭ ساتىرىك شائىرى. لاتىئومنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئاكۇئىنۇم (Aquinum) دېگەن يەردە تۇغۇلغان. دادىسى (ياكى بېقىۋالغان دادىسى) باي ئازاد قۇل. ياشلىقىدا ستىلىستىكا ئۆگەنگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قوشۇن بىلەن بىللە مىسىر ۋە برىتانىيىگە بارغان. ھەجۋىي شېئىرلىرىدىن ھازىرغىچە 16 كۇپلېتلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇلاردا پادىشاھ دومىتىئانۇسنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، رىم جەمئىيىتىدىكى بۇزۇقچىلىقلار ۋە ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈك ئېچىپ تاشلىنىپ، تۆۋەن تەبىقىدىكى خەلقنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىغا ھېسداشلىق قىلىنغان. لېكىن بۇ شېئىرلار تەقدىرچىلىك تۈسىنىمۇ ئالغان. قەلىمى كۈچلۈك ۋە جانلىق بولۇپ، لاتىن ئەدەبىيات مۇنبىرىدە پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان زاۋالغا يۈزلىنىش دەۋرىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.

جۆخەي جۇڭجىن (تارۇمى ئاتارۇتسۇ)

  • جۆخەي جۇڭجىن (تارۇمى ئاتارۇتسۇ)[يەشمىسى:]1336— 1405) ياپونىيە مۇروماچىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى لىنجىزوڭ مەزھىپىدىكى راھىب. يەنە بىر نامى جياۋجيەن. توسا (ھازىرقى كوچى ناھىيىسى) دا تۇغۇلغان. 13 يېشىدا كيوتودىكى تيەنلۇڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرگەن. ئۇستاز مېڭچۇاڭغا شاگىرت بولغان. خەنزۇچە شېئىرغا ئۇستا، گىتوچىكانوبو (1325 — 1388) بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدۇ. 1368-يىلى (ياپونىيىدىكى يىڭئەننىڭ بىرىنچى يىلى، جېڭپىڭنىڭ 23-يىلى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ خۇڭۋۇ بىرىنچى يىلى) جۇڭگوغا كېلىپ، مىڭ تەيزۇنىڭ يارلىقى بويىچە شېئىر يازغان، ئۇنىڭ شېئىرلىرى قاپىيەلىكلىكى بىلەن داڭق چىقارغان؛ ئۇ يەنە سۇن ليەن قاتارلىقلار بىلەن ئالاقە قىلغان. جۇڭگودا 9 يىل تۇرۇپ،1376-يىلى (ياپونىيىدىكى يۇڭخېنىڭ 2-يىلى، تيەنشۇنىڭ 2-يىلى) ۋەتىنىگە قايتقان. تيەنلۇڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ بېشى بولغان. كاي (ھازىرقى ياماناشى ناھىيىسى) دىكى خۇيلىن ئىبادەتخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1384-يىلى ئۇ ئاشىكاگې تەرىپىدىن تەقىپ قىلىنغانلىقتىن، خوككايدۇدا يوشۇرۇنۇۋالغان. خوسوكاۋا (1329 — 1392) ئۇنى چاقىرتىپ ئابا (ھازىرقى توكۇشىما ناھىيىسى) دىكى باۋگۇەن ئىبادەتخانىسىنى ياساتقان. كېيىن يەنە ئاشىكاگې تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ، دېڭچى ئىبادەتخانىسى، شياڭگو ئىبادەتخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۆلگەندىن كېيىن گۇاڭجاۋ ئۇستاز دەپ نام بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن «جياۋجيەن قول يازمىلىرى» بولۇپ ۋۇشەن ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم شېئىرلار توپلىمى ھېسابلىنىدۇ.

جۈپ نىكاھلىق ئۇرۇقداشلىق

  • جۈپ نىكاھلىق ئۇرۇقداشلىق[يەشمىسى:] توپ نىكاھلىق ئۇرۇقداشلىقتىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن نىكاھ ۋە ئائىلە شەكلى. تەخمىنەن نادانلىق دەۋرى بىلەن ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ ئارىلىقىدا مەيدانغا كېلىپ، ئاساسەن ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدا مەۋجۇت بولۇپ، ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىدىن يۇقىرى باسقۇچىغىچە بولغان مەزگىلدىمۇ ساقلانغان (ئۇنىڭدىن كېيىن بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمىگە ئۆتكەن). ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشى ئاساس قىلىنغان، ئومۇمەن، يەككە نىكاھقا مەنسۇپ بولسىمۇ، لېكىن بىللە تۇرىدىغان ئايرىم ئۆيى يوق، ئايرىلىش ۋە قوشۇلۇش بىرقەدەر ئەركىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھوقۇق كۆپىنچە ئايال تەرەپتە بولغان؛ ئىقتىسادىي بىرلىك تەشكىل قىلىنماي، ماترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى چوڭ ئائىلىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولغان، نىكاھلانغان ئىككى تەرەپنىڭ مال-مۈلكى ھەر ئىككىسىنىڭ ئانا تەرەپ ئائىلىسىگە مەنسۇپ بولغان. جۈپ نىكاھلىنىشنىڭ بىخى توپ نىكاھلىنىشنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بارلىققا كەلگەن. ئالايلۇق بىر ئەرنىڭ كۆپلىگەن خوتۇنلىرى ئىچىدە بىر ئاساسلىق خوتۇنى بولغان، ئەكسىچە، ئايالنىڭمۇ بىر ئاساسلىق ئېرى بولغان. ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نىكاھلىنىش دەرىجىسى بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ، مەنئى قىلىنىدىغان ئىشلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، توپ نىكاھلىنىش دائىرىسى بارا-بارا تارىيىپ، ئاخىرى تەرەققىي قىلىپ، جۈپ نىكاھلىنىشقا ئۆتكەن. ⅪⅩ ئەسىردىن بۇرۇن شىمالىي ئامېرىكا ئىندىئانلىرىنىڭ سېنېكا قەبىلىسىدە ۋە ئامېرىكىنىڭ مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى يەرلىك قەبىلىلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان جۈپ نىكاھلىنىشنىڭ مىساللىرى جۈپ نىكاھلىنىشنىڭ يەنىلا ئۇرۇقنىڭ سىرتىدىكى نىكاھلىنىش ئىكەنلىكىنى، ئەر-خوتۇن ئوخشاش بولمىغان ئۇرۇققا مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى، تۇرمۇشنىڭ دەسلىپىدە «ئەرنىڭ ئايالنى يوقلاش» (ئەرنىڭ ئايالنى زىيارەت قىلىش) ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولسا، كېيىن «ئەرنىڭ ئايال تەرەپتە ئۆي تۇتۇش» (ئەرنىڭ ئايال تەرەپنىڭ ئانا جەمەتى چوڭ ئائىلىسىدە تۇرۇشى) ئۇسۇلى قوللىنىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

جۈچى دالۇ (كىكۇچى ئوكىكازۇ)

  • جۈچى دالۇ (كىكۇچى ئوكىكازۇ)[يەشمىسى:] (1855 — 1917) ياپونىيە ماتېماتىكى. چەت ئەلشۇناس كىزۇكۇرىنىڭ ئوغلى، فامىلىدە دادىسىنىڭ كونا فامىلىسىنى قوللانغان. ئالتە يېشىدا ۋاسسال مەكتىپىگە كىرىپ ئىنگلىزچىنى ئۆگەنگەن. 1866-يىلى ئەنگلىيىگە ئوقۇشقا چىقىپ، 1868-يىلى قايتىپ كەلگەن، 1870-يىلى يەنە ئەنگلىيىگە بېرىپ، كىمبىرىچ داشۆسىدە ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ئۆگەنگەن. 1877-يىلى قايتىپ كېلىپ، توكيو داشۆسىدە ماتېماتىكا پروفېسسورى بولغان. 1898 — 1901-يىللىرى توكيو ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1901 — 1903-يىللىرى كۇي كابىنېتىدا مەدەنىيەت ۋەزىرى بولغان. 1904 — 1905-يىللىرى ئوقۇش يۇرتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1908 — 1912-يىللىرى كيوتو ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1917-يىلى فىزىكا-خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1890-يىلى ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1909-يىلى ئىمپېرىيە ئاكادېمىكلار يۇرتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1912-يىلى مۇھىم ئىشلار مەسلىھەتچىسى بولغان. غەرب ماتېماتىكىسىنى كىرگۈزۈش، ياپونىيە ئىلىم-پەن ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا زور تۆھپە قوشقان.

جۈچىكۈەن (كىكۇچى ئوكى)

  • جۈچىكۈەن (كىكۇچى ئوكى)[يەشمىسى:] (1888 — 1948) ياپونىيە يازغۇچىسى، دراماتورگى. كيوتو ئىمپېرىيە داشۆسى ئەنگلىيە ئەدەبىياتى بۆلۈمىنى پۈتتۈرگەن. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئاكۇتاگاۋا قاتارلىقلار بىلەن «يېڭى پىكىر ئېقىمى» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان، «ئۆگزىدىكى تەلۋە»، «ئاتىسىنىڭ قايتىپ كېلىشى» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان، كېيىن «نامسىز يازغۇچىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى»، «سادىق-تۈز كۆڭۈل ئەمەلدارنىڭ ھالى» دېگەن ھېكايىلەرنى يېزىپ، يازغۇچىلىق ئورنىنى تىكلىگەن. 1920-يىلى «ئۈنجۈ خانىم» دېگەن ئاممىباب رومانى نەشىر قىلىنغان، ئۇنىڭدا ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇھەببەت ماجىرالىرى تەسۋىرلەنگەن. 1923-يىلى ئەدەبىيات-سەنئەت جەمئىيىتىنى تەسىس قىلغان، «ئەدەبىيات-سەنئەت باھارى» ژۇرنىلىنى چىقارغان. 1935-يىلى 1-ئايدا، ئاكۇتاگاۋانى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئاكۇتاگاۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغان. شۇ يىلى 9-ئايدا يەنە ئاممىباب ئەدەبىيات يازغۇچىسى تاداكىنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، تاداكىنى ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغان. ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، دېڭىز ئارمىيىسىدىكى ھەربىي مۇخبىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگودىكى نەنجىڭ، خەنكۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، جۇڭگوغا قارشى ھەرىكەتكە قاتناشقان، ۋەتەن يولىدا جان پىدا قىلىش جەمئىيىتىگە قاتناشقان، داياڭ كىنو شىركىتىنىڭ باشلىقى بولغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن بىر مەھەل تەربىيىگە ئېلىنغان، ئون توملۇق «كىكۇچى ئەسەرلىرى» بار.

جۈۋىنداۋ ئارىلى ۋەقەسى

  • جۈۋىنداۋ ئارىلى ۋەقەسى[يەشمىسى:] 1885-يىلىدىكى ئەنگلىيىنىڭ چاۋشيەن جۈۋىنداۋ ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋېلىش ۋەقەسى. 1884-يىلقى جياشىن سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، چاۋشيەن ھۆكۈمىتى گېرمانىيىلىك موللېندورف (1901 — 1848،Paul Georgvon Mollendorff) نى دىپلوماتىيە مەسلىھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلغان، روسىيىگە بېقىنغان. ئافغانىستاننىڭ چېگرا ماجىراسى تۈپەيلىدىن ئەنگلىيە بىلەن روسىيىنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ كەتكەن. ئەنگلىيە روسىيىنىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشىنى توسۇش ھەمدە روسىيە يىراق شەرق فلوتىنىڭ قاتناش يولىنى ئۈزۈۋېتىش ئۈچۈن، 1885-يىلى 4-ئايدا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز بوغۇزىدىكى جۈۋىنداۋ ئارىلىنى تۇيۇقسىز بېسىۋېلىپ، ئارالدا ئاكوب-خەندەكلەرنى ياساش بىلەن بىرگە جۇڭگو چىڭ ھۆكۈمىتىدىن چاۋشيەندە روسىيىگە قارىتا ھەرگىز يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلغان. چىڭ ھۆكۈمىتى چارروسىيىنى چەكلەش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن شىڭ شىۋەن دايۇەنجۈننى چاۋشيەنگە قايتۇرۇپ روسىيەپەرەس مىن فېي ئېقىمىدىكىلەرگە بېسىم ئىشلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئەنگلىيىنىڭ مەزكۇر ئارالنى بېسىۋېلىشىغا سۈكۈت قىلىش بىلەن بىرگە گېرمانىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلغان. روسىيە بولسا چىڭ ھۆكۈمىتىگە ئەگەر ئەنگلىيىنىڭ مەزكۇر ئارالنى بېسىۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسا، روسىيىنىڭمۇ چاۋشيەننىڭ بىر قىسىم زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان. شۇنىڭ بىلەن، چىڭ ھۆكۈمىتى ئەنگلىيىدىن مەزكۇر ئارالدىن چېكىنىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان. بىرنەچچە قېتىملىق ئارىلىشىش ئارقىلىق ئەنگلىيە روسىيىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە چاۋشيەننىڭ يەرلىرىنى بېسىۋالماسلىقىنى شەرت قىلغان ئاساستا، 1887-يىلى 2-ئايدا مەزكۇر ئارالدىن چىقىپ كەتكەن.

جېئاننې دىئارك

  • جېئاننې دىئارك[يەشمىسى:] يەنى«[贞德]» غا قارالسۇن.

جېتاۋانا-ۋىخارا

  • جېتاۋانا-ۋىخارا[يەشمىسى:] سانسىكرىتچە Jetavana Vihara نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. قەدىمكى ھىندىستاننىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى. ئورنى تەخمىنەن ھازىرقى سېت ماخېت دېگەن جايغا توغرا كېلىدۇ. «جېتاۋانا» ئەسلى كوسالا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى پراسېناجىتنىڭ شاھزادىسى جېتا (Jeta) نىڭ بېغى بولۇپ، سىراۋاستى شەھىرىنىڭ ئاقساقىلى سۇداتتا (Sudatta) بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىپ بۇ باغنى سېتىۋالغان ھەمدە ۋىخارانى قۇرۇپ دىن تارقىتىدىغان مۇقەددەس جاي سۈپىتىدە ساكيامونىغا تەقدىم قىلغان. لېكىن جېتا باغنىڭ يېرىنى سېتىپلا دەل-دەرەخلىرىنى ساكيامونىغا تەقدىم قىلغان. شۇڭا ۋىخارا ئىككى ئادەمنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ساكيامونى بۇ جايدا يىگىرمە يىلدىن ئوشۇقراق ۋاقىت تۇرغانىكەن. راجاگرىخا شەھىرىنىڭ يېنىدىكى ۋېنۇۋانا ۋىخارا بىلەن قوشۇلۇپ بۇددا دىنىنىڭ ئىككى چوڭ ۋىخاراسى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئىككى جاي بۇددا دىنىنىڭ دەسلەپكى پائالىيەت ئېلىپ بارغان مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي جىن سۇلالىسىدە ئۆتكەن فاشيەن ھىندىستانغا قىلغان ساياھەت خاتىرىسىگە بۇ جاينىڭ «كۆل ۋە ئېرىقلاردىكى سۇلىرى سۈپسۈزۈك، دەل-دەرەخلىرى باراقسان ئىكەن، سەيلىگاھنىڭ ئىچىدىكى رەڭگارەڭ گۈل-گىياھلار تولىمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن» دەپ يازغان.

جېرومې

  • جېرومې[يەشمىسى:] (ئىنگلىزچە Saint Jerome، لاتىنچە Eusebius Hierony Mus، تەخمىنەن 347 — 419) يەنى سېن-جېرومې ياكى ھىرونمۇ. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى خرىستىئان دىنى پوپىنىڭ بىرى. دالماتسىيە بىلەن باننونىيە چېگرىسىدىكى سترىدون (Stridon) دا تۇغۇلغان. رىمغا ئوقۇشقا بارغان، خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. كېيىن يات دىنلارغا قارشى تۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ داڭق چىقارغان. ئانتيوكىدا پوپ بولغان. تەخمىنەن مىلادى 386-يىلدىن كېيىن پەلەستىننىڭ بېتلېھېم دېگەن يېرىدىكى بىر موناستىردا تۇرغان. «ماتتىل گوسپېلى»نى ئىزاھلىغان. «ئىنجىل»نى لاتىنچە كونا تەرجىمىسىگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ بېكىتكەن (بىر قىسمىنى قايتىدىن تەرجىمە قىلغان)، ئۇ «ئاممىباپ لاتىنچە نۇسخىسى» دەپ ئاتالغان. ⅩⅥ ئەسىردە كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ قانۇنىي نۇسخىسى قىلىپ بېكىتىلگەن.

جېرومىي بوناپارت

  • جېرومىي بوناپارت[يەشمىسى:]Jerome Bonaparte، 1784 — 1860) فرانسىيە مارشالى، ۋېستفالىيە كورۇلى (1807 — 1813). ناپولېئوننىڭ كەنجى ئىنىسى. 1800-يىلى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. كېيىن دېڭىز ئارمىيىسىگە يۆتكەلگەن. 1807-يىلى ۋوتىنبۇرگ مەلىكىسى كاتېرېن بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇر بولغان. شۇ يىلى ۋېستفالىيە كورۇلى بولغان. 1815-يىلى ۋاتېرلوئو جېڭىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ۋوتىنبۇرگقا مۆكۈنۈۋالغان. 1848-يىلى فرانسىيىگە قايتىپ، جىيەنى لۇئى بوناپارتنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىغا ياردەملەشكەن. ئىككىنچى ئىمپېرىيە دەۋرىدە مەجرۇھ ھەربىيلەرنىڭ باش باشقۇرغۇچىسى، سىنات باشلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرى ۋە خەت-چەكلەر توپلىمى بار.

جېففېرسون

  • جېففېرسون[يەشمىسى:]Thomas Jefferson، 1743 — 1826) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1801 — 1809). جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئاساسچىسى. ۋىرگىنىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. ئەسلىدە ئادۋوكات بولۇپ، 1769 — 1774-يىللىرى شتات پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1773-يىلى «ئالاقىلىشىش كومىتېتى»نى بەرپا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى تەشەببۇس قىلغان. 1775-يىلى 2-نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىغا قاتناشقان، «مۇستەقىللىك خىتابنامىسى»نى تەييارلاشقا قاتناشقان. 1779-يىلى ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1785-يىلى «ۋىرگىنىيە خاتىرىلىرى»نى نەشىر قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دېموكراتىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان. 1789-يىلى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان. 1797-يىلى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان.1800-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە بۇرژۇئا دېموكراتىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. سىياسىي جەھەتتە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلغان؛ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللىي مۇستەقىللىكىنى قوغدىغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەنگلىيە ماللىرىنى كۆپلەپ كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرۇپ، مىللىي ئىگىلىكنى قوغداپ، كاپىتالىزمنىڭ ئامېرىكىدا ئەركىن تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. ئىدىيە جەھەتتە ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە دېموكراتىزمنى تەشەببۇس قىلغان. سىرتتىن لۇئىزانانى سېتىۋېلىپ، زېمىنىنى كېڭەيتكەن؛ چەت ئەلنىڭ ئامېرىكىغا قۇل كىرگۈزۈشىنى مەنئى قىلغان. بۇ تەدبىرلەر ئامېرىكىدا كاپىتالىزمنىڭ راۋاجلىنىشىنى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

جېڭ سې، جېڭ ئېر قوزغىلىڭى

  • جېڭ سې، جېڭ ئېر قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] مىلادى Ⅰ ئەسىردە، شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ھىندىچىنى ئايمىقى (ھازىرقى ۋيېتنام)دىكى خەلقنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۆتۈرگەن قوزغىلىڭى. جېڭ سې، جېڭ ئېر ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەن فېڭجۇ ۋىلايىتى مىلىن ناھىيىسىنىڭ سپاھبېگىنىڭ قىزلىرى ئىدى. جېڭ سې جۇيۈەن ناھىيىسىنىڭ سپاھبېگىنىڭ ئوغلى شىغا (شى سو دېگەنلەرمۇ بار) ياتلىق بولغان. مىلادى 40-يىلى، ھىندىچىنى ئايمىقىنىڭ ھاكىمى سۇدىڭ ئۇنىڭ ئېرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھەمدە ئۇنى «قانۇن بىلەن جازالىماقچى» بولغان. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن جېڭ سې سىڭلىسى جېڭ ئېر بىلەن ئەسكەر باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئايماق قەلئەسىنى ھۇجۇم بىلەن ئالغان. سۇدىڭ جەنۇبىي دېڭىز تەرەپكە قاچقان. جيۇجېن، رىنەن، خېپۇ قاتارلىق جايلار قوزغىلاڭغا بەس-بەستە ئاۋاز قوشۇپ، قوزغىلاڭچى قوشۇن كەينى-كەينىدىن 65 قەلئەنى ئىشغال قىلغان، جېڭ سې مىلىندە ئۆز ئالدىغا خان بولۇۋالغان. 42-يىلى شەرقىي خەن سۇلالىسى تىنچىتقۇچى سانغۇن مايۈەننى ئەسكەر باشلاپ باستۇرۇشقا ئەۋەتكەن. ئىككىنچى يىلى، جېڭ سې بىلەن جېڭ ئېرلەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىن شەرقىي خەن سۇلالىسى ھىندىچىنى جيۇجېن ۋە رىنەندىن ئىبارەت ئۈچ ئايماققا (ھازىر ھەممىسى ۋيېتنامدا)قارىتا ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، ناھىيە بېگى، ناھىيە سپاھبېگى تۈزۈمى (ئۇرۇقداشلىق قەبىلە تۈزۈمى)نى بىكار قىلىپ، شۇ جاينىڭ فېئوداللىشىش سۈرئىتىنى تېزلەتكەن. ئادەتتە جېڭ سې، جېڭ ئېر قوزغىلىڭى مۇشۇ جاينىڭ فېئودالىزم جەمئىيىتىگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ ئالامىتى دەپ قارىلىدۇ.

جېكسون

  • جېكسون[يەشمىسى:]Andrew Jackson، 1767 — 1845)ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1829— 1837). دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. تېننېسى شتاتىدا تۇغۇلغان. مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن قانۇن ئۆگەنگەن. 1787-يىلدىن باشلاپ شىمالىي كارولىنا شتاتىنىڭ غەربىي رايونىنىڭ چوڭ سودىيىسى بولغان.1796-يىلى ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان،1797-يىلى كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان. 1798 — 1804-يىللىرى تېننېسى شتاتى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ چوڭ سودىيىسى بولغان. 1812 — 1814-يىللاردىكى ئامېرىكا-ئەنگلىيە ئۇرۇشىدا گېنېرال مايور بولغان. 1828-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. زۇڭتۇڭنىڭ مەمۇرىي چوڭ ھوقۇقلارنى ئۆز قولىدا تۇتۇشنى ھەمدە قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان؛ ئىچكى كابىنېتنىڭ رولىنى كۈچەيتىپ، يېقىن كىشىلىرىدىن كىچىك گۇرۇھ — «ئاشخانا كابىنېتى» تەشكىللىگەن. ئىقتىسادىي جەھەتتە «بانكىغا قارشى كۈرەش» ئېلىپ بېرىپ، شتاتلار بانكىسى قۇرۇپ، يۇقىرى چېگرا بېجى سىياسىتى تۈزۈپ، كاپىتالىزمنىڭ راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1833-يىلى يەنە زۇڭتۇڭ بولغان. جەنۇبتىكى قۇلدارلار ئۇنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىگە قارشى چىقىپ، قوشما شتاتتىن ئايرىلىپ چىقىشتىن ئىبارەت بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. 1833-يىلى مۇرەسسە قىلغان باج قانۇنى ۋە قورال كۈچى قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويۇپ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلەرنى توسقان ۋە باستۇرغان. دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، كاپىتالىستىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىغان. لېكىن قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرمىغان، ئىندىئانلارغا ھۇجۇم قىلىدىغان سىياسەتنى يولغا قويغان. ئۇ 1833-يىلى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتناشقاندىن ئېتىبارەن ئامېرىكا تارىخىدا ئىككى پارتىيە رىقابەتلىشىدىغان سايلام تۈزۈمى باشلانغان.

جېك لوندون

  • جېك لوندون[يەشمىسى:]Jack London، 1876 — 1916) ئامېرىكا يازغۇچىسى. سان-فرانسىسكو شەھىرىدە نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئون يېشىدىلا گېزىت ساتقان، 14 يېشىدا بالا ئىشچى بولغان. 1893-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە تيولېن تۇتىدىغان پاراخوتتا ماتروس بولغان، ياپونىيىگە بارغان. 1896-يىلى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ بىرنەچچە ئاي ئوقۇغان، نىتىسشې، سپېنسېر، ماركس تەلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 90-يىللاردىن باشلاپ سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1897 — 1898-يىللىرى كانادانىڭ يۇكون دەرياسى ۋادىسىدا ئالتۇن چايقىغان. 1899-يىلى ئالتۇن چايقىغۇچى ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن «ئوۋچى» دېگەن ھېكايىسىنى ئېلان قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. 1900-يىلى «بۆرە بالىسى» دېگەن پوۋېستى نەشىر قىلىنغان. 1902-يىلى مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئەنگلىيىگە بېرىپ، «گىرداپتىكى كىشىلەر»نى ئېلان قىلىپ، لوندوندىكى نامراتلارنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 1904-يىلى «دېڭىز بۆرىسى» دېگەن رومانىنى ئېلان قىلىپ، بىئولوگىيىلىك كۆز قاراش بىلەن ئىجتىمائىي زىددىيەتنى ئىزاھلاش خاھىشىنى ئاشكارىلىغان. ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە جەڭ مەيدانى مۇخبىرى بولغان.1913-يىلدىن كېيىن ئىجادىيىتى چېكىنىپ كەتكەن. 1916-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىققان. جەمئىي 40 نەچچە پارچە ئەسەر يازغان. ئەسەرلىرى ئاددىي بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىشتىكى قەيسەر روھى ئىپادىلەنگەن. كېيىنكى ئەسەرلىرى ئىسلاھاتچىلىق تۈس ئالغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن ئامېرىكا بۇرژۇئا دېموكراتىيىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېچىپ بېرىدىغان رومانى «تۆمۈر تاپان» ۋە تەرجىمىھال خاراكتېرلىك رومانى «مارتىن ئىدېن» قاتارلىقلار بار.

جېمدېت ناسىۋ مەدەنىيىتى

  • جېمدېت ناسىۋ مەدەنىيىتى[يەشمىسى:] مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى برۇنزا ۋە تاش قوراللار تەڭ ئىشلىتىلگەن دەۋردىكى مەدەنىيەت. ئېفرات دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى جېمدېت ناسىۋ (Jemdet Nasv، ھازىرقى ئىراقتىكى باغدادنىڭ جەنۇبى) خارابىسىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇت بولغان دەۋرى مىلادىدىن 3100 — 2700 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئارىلىقىدا. ئوخشاش بىر باسقۇچتىكى مەدەنىيەت خارابىلىرى مېسوپوتامىيە ۋادىسىدا كەڭ تۈردە تېپىلغان. ئاھالىسى ئاساسەن سۇغىرىلىدىغان دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، چاناپ تېرىشتىن ساپان بىلەن تېرىشقا ئۆتكەن، كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلارنى كۆندۈرگەن. تاشتىن ۋە ئۇستىخاندىن ياسالغان قوراللار يەنىلا ئىشلىتىلگەن. لېكىن بارغانسېرى ئۇنىڭ ئورنىنى مىس بىلەن ئىشلەنگەن قوراللار ئالغان. ساپال چاق بىلەن ساپال قاچىلار ئىشلەنگەن ھەم ئۇ تۈرلۈك قاپارتما گۈللەر ۋە گېئومېترىك سىخىملار بىلەن بېزەلگەن. چاقلىق ھارۋا، ياغاچ كېمە قاتارلىق ترانسپورت قوراللىرى ئىشلىتىلگەن. ئونلۇق ساناق ۋە ئاتمىشلىق ساناق بويىچە ھېسابلاش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، سودىدا دائىم مالغا مال ئالماشتۇرۇلغان. تېپىلغان ئىقتىسادىي ھۈججەتلەردە، ئەر قۇللار، ئايال قۇللار خاتىرىلەنگەن. ھەيۋەتلىك ساراي قۇرۇلۇشلىرى ۋە قاچا-قۇچىلار (ھاراق-ماي قۇيىدىغان)غا بېسىلغان خۇسۇسىي تامغىلار خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى، سىنىپ، دۆلەتنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بەزى قاراشلارغا قارىغاندا، جېمدېت ناسىۋ مەدەنىيىتىنى ئاككادلار (ساملارنىڭ بىر تارمىقى) بەرپا قىلغانىكەن.

جېنچىشىن سەنلاڭ (ماگاساكى جىنزاپۇرو)

  • جېنچىشىن سەنلاڭ (ماگاساكى جىنزاپۇرو)[يەشمىسى:] (1876 — 1956) ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى، ئۇرۇش جىنايەتچىسى. 1906-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن.1931-يىلى 8-ئايدا تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ قوماندانى بولغان. 1932-يىلى مۇئاۋىن باش شتاب باشلىقى بولغان. 1933-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېراللىقىغا كۆتۈرۈلگەن، ھەربىي ئىشلار بويىچە كېڭەش ئەمەلدارى بولغان.1934-يىلى مائارىپ باش مۇپەتتىشى بولغان. ئارائىكى بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيىدىكى پادىشاھ تەرەپدارلىرىنىڭ كاتتىبېشى بولۇپ، بىر تۇتاش ئىدارە قىلىش تەرەپدارلىرى بىلەن قارشىلاشقان. 1936-يىلى 3-ئايدا زاپاس قىسىملار قاتارىغا ئۆتكەن. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، A دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى قاتارىدا قولغا ئېلىنغان، 1947-يىلى قويۇپ بېرىلگەن.

جېنخەي

  • جېنخەي[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ دېڭىز پورتى. چىڭشاڭنانمۇ ئۆلكىسىگە جايلاشقان. چاۋشيەن بوغۇزىنىڭ تۈگۈنى بولۇپ، جۇغراپىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ماشەن پورتىغا ئوخشاش ئېسىل دېڭىز پورتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1900-يىلى روسىيە ماشەننىڭ يېنىدىكى لىجوۋىي قولتۇقىنى بېسىۋالغان. ياپونىيە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 1902-يىلى بۈگۈنكى جېنخەي رايونىنى سېتىۋېلىپ، ھەربىي پورت قىلىپ قۇرۇشقا باشلىغان. ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى ۋاقتىدا ياپونىيە فلوتى مۇشۇ قولتۇقتا پۇرسەت كۈتۈپ تۇرۇپ، ئاخىرى روسىيە فلوتىنى ساقلاپ تۇرۇپ ياپونىيە دېڭىزىدا جەڭ قىلغانلىقى ئۈچۈن داڭقى چىقىپ كەتكەن. ياپونىيە چاۋشيەننى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن مۇشۇ يەردە دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىق شتابىنى تەسىس قىلغان.

جېنسېن

  • جېنسېن[يەشمىسى:]Johannes Vilhelm Jensen، 1873 — 1950) دانىيە شائىرى، يازغۇچىسى، يېزا مال دوختۇرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلىپىدە كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىبابەتچىلىكنى ئۆگىنىپ، كېيىن ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللانغان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى زىيارەت قىلغان. دارۋىن، ھېكىسلېينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، تەرەققىيات نەتىجىسىدە، ئىنسانلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىگە ئىشەنگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئۇزۇن مۇساپە»، «پادىشاھنىڭ ئۆلۈمى»، «دورا خانىم»، «چاق»، «ئەقلىي كۈچ تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلىرى» قاتارلىقلار بار. 1944-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

جېن شۈەن

  • جېن شۈەن[يەشمىسى:]؟ — 936) چاۋشيەننىڭ كېيىنكى پېكچى دۆلىتىنى قۇرغۇچى. ئەسلى فامىلىسى لى، شاڭجۇ جائىنلىق (چىڭشاڭ بېيداۋ ئۆلكىسى ۋېنچىڭ ۋىلايىتى جائىن ناھىيىسىدىن)، يەرلىك زومىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا پايتەخت چىڭجۇغا بېرىپ ئەسكەر بولغان ۋە غەربىي جەنۇبىي دېڭىز مۇداپىئەسىدە تۇرغان، كېيىن يانداش سانغۇنلۇققا كۆتۈرۈلگەن. سىللانىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مىلادى 892-يىلى (ئايال پادىشاھ چېن شېننىڭ 6-يىلى) ئەسكەر تارتىپ، غەربىي جەنۇبتىكى رايونلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ۋۇ جېنجۇ (چۇەنلوداۋ ئۆلكىسى گۇاڭجۇ ۋىلايىتى)نى بېسىۋېلىپ، ئۆزىنى بەگ قىلىپ تىكلىگەن. 900-يىلى (شياۋگوڭۋاڭنىڭ 4-يىلى) ئۆزىنى كېيىنكى پېكچى پادىشاھى دەپ ئاتاپ، ۋەنشەنجۇ (چۇەنلو بېيداۋ ئۆلكىسى چۇەنجۇ ۋىلايىتى)نى پايتەخت قىلغان ۋە ئەمەلدارلارنى تەيىنلەپ يېرىم ئارالنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىنى ئىگىلىگەن. شىمالدا گوڭيىنىڭ موجېن دۆلىتى (كېيىن تەيفېڭ دەپ ئۆزگەرتىلگەن) ۋە كېيىن ۋاڭجيەننىڭ كورىيە دۆلىتى بىلەن دۈشمەنلىشىپ، شەرقتە سىللانى قىستاپ، ئۈچ دۆلەت تىركىشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇ ئۈچ دۆلەت تارىختا كېيىنكى ئۈچ دۆلەت دەپ ئاتالغان. جۇڭگونىڭ ئۇ يۈې، كېيىنكى تاڭ خاندانلىقلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ياپونىيىگە ئىككى قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. 927-يىلى چىڭجۇنى ئېلىپ، پادىشاھ جىڭ ئەيۋاڭنى ئۆلتۈرۈپ، جىن بونى پادىشاھ (ئىتائەتمەن پادىشاھ)قىلىپ تىكلىگەن ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى بۇلاپ، ئۇستىلارنى ئېلىپ دۆلىتىگە قايتقان. 935-يىلى ئوغۇللىرى ئارىسىدا تەخت تالىشىش نىزاسى تۇغۇلۇپ، چوڭ ئوغلى سېن جيەن تەختنى تارتىۋېلىپ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن نەزەربەند قىلىنغان. كېيىن ۋاڭ جيەننىڭ يېنىغا قېچىپ كەتكەن. ئىككىنچى يىلى كېيىنكى پېكچى ۋاڭ جيەن تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغاندا، ئاغرىپ ئۆلگەن. كېيىنكى ئۈچ دۆلەت ئاخىرلاشقان.

جېن شىڭۋاڭ

  • جېن شىڭۋاڭ[يەشمىسى:] (534 — 576) چاۋشيەندىكى سىللا پادىشاھى (540 —576). ئىسمى شيەنمەيزۇڭ ياكى شېن مەيفۇ. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جيەنيۈەن، گەيگو، داچاڭ، خۇڭجى دېگەن يىلنامىلەرنى ئىشلەتكەن. تەختتىكى مەزگىلىدە جۈ چىفۇ قاتارلىقلارنى دۆلەت تارىخىنى يېزىشقا بۇيرۇغان. بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، ئىبادەتخانىلارنى ياساتقان. جۇاڭ، تىڭ قاتارلىق ھەربىي تەشكىلاتلارنى كۈچەيتكەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن، شۇنداقلا قۇتلۇق يىگىتلەر تەشكىلاتىنى تۈزۈملەشتۈرگەن؛ جۇچىفۇ، يى سىفۇ، سى دوخەن قاتارلىقلارنى ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەن، ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن فاشىڭۋاڭ (514 — 540-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان)ئاساس سالغان دۆلەت سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى يولغا قويغان. كوگۇريوغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، سىرتقا قارىتا پېكچىنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن، مىلادى 541-يىلى (جيەنيۈەننىڭ 6-يىلى) سۈلھ تۈزگەن، 551-يىلى (كەيگونىڭ بىرىنچى يىلى) جۇچىفۇغا ئەسكەر باشلاپ بەي جى بىلەن بىرلىشىپ شىمالغا يۈرۈش قىلىشقا بۇيرۇق بەرگەن، ئۇلار كوگۇريوغا ھۇجۇم قىلىپ، جۇلىڭنىڭ شىمالىدىكى 10 ۋىلايەت (ھازىرقى جياڭيۈەنداۋنىڭ غەربى)نى ئىشغال قىلغان، ئاندىن كېيىن يەنە پېكچى ئىشغال قىلىپ تۇرغان خەنجياڭ ۋادىسىدىكى ئالتە ۋىلايەتنى تارتىۋېلىپ، يېڭى ئايماق تەسىس قىلغان.554-يىلى (كەيگونىڭ 4-يىلى) پېكچى پادىشاھى شېن مىڭۋاڭ نۇرغۇن ئەسكەر باشلاپ كېلىپ ھۇجۇم قىلىپ قاتتىق مەغلۇپ بولغان، يوشۇرۇنغان ئەسكەرلەر شېن مىڭۋاڭنى ئۆلتۈرگەن، پېكچى بىلەن تۈزگەن سۈلھ بۇزۇلغان. 556-يىلى (كەيگونىڭ 6-يىلى) شەرقىي دېڭىز ياقىسىنى بويلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، توجىڭ ھەتتا مۇيۇنلىڭغىچە بارغان. 562-يىلى (كەيگونىڭ 12-يىلى) جەنۇبتىكى داجىيايى بىلەن بىرلىشىپ، زېمىنىنى كېڭەيتكەن.

جېنلىفو دۆلىتى

  • جېنلىفو دۆلىتى[يەشمىسى:] ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىكى قەدىمكى دۆلەت. بۇ جاي بۇرۇنقى گەپلەرگە قارىغاندا ھازىرقى كامبودژىنىڭ غەربىدىكى سېمرېئاپ ئەتراپىدا ئىكەن. يېقىندا بەزىلەرنىڭ دەلىللىشىچە سىيام قولتۇقىنىڭ شەرقىي شىمال قىرغىقىدىكى تايلاند چېگرىسى ئىچىدىكى جيەنجۇ بون ئەتراپىدا ئىكەن. مىلادى Ⅻ ئەسىردە كېخمىرنىڭ بېقىندىسى بولغان. 1200-يىلى (سۇڭ سۇلالىسى چىڭيۇەننىڭ 6-يىلى) ئىككى پىل ۋە باشقا يەرلىك مەھسۇلاتلار بىلەن جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن.

جېنمۇ باۋچېن (ساناگى ياسوئۇمى)

  • جېنمۇ باۋچېن (ساناگى ياسوئۇمى)[يەشمىسى:]1813 — 1864) ياپونىيىدىكى توكوشىما شوگۇنلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى پادىشاھنى ئىززەتلەپ ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش تەرەپدارى بولغان ئىرادىلىك كىشى. چىكوگو بەگلىكى (ھازىرقى فۇكۇئوكا ناھىيىسى) كۇرۇمې ۋاسسالىدىكى بىر تۆرە ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. لەقىمى زىتەن، ئادەتتە ئىزۇمى، ئىزۇمىرى دېيىلىدۇ. دەسلەپ ۋاسسال مەكتىپىدە ئوقۇغان. كېيىن مىتو ۋاسساللىقىدىكى سوزاۋا (1782 — 1863) بىلەن دوست بولۇپ، پادىشاھنى ئىززەتلەپ ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش تەشەببۇسىنى قويغان. 1852-يىلى ۋاسساللىق سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن 10 يىل قاماققا ئېلىنغان. 1862-يىلى كيوتوغا قېچىپ بېرىپ، ئوكۇموچى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، شىمازۇنىڭ ئەسكىرىي كۈچى بىلەن شوگناتقا قارشى جازا يۈرۈشى قىلىشقا ئۇرۇنغان، تېراتا ۋەقەسىدىن كېيىن ئەسلىدىكى ۋاسساللىققا قايتۇرۇپ كېلىنىپ قاماققا ئېلىنغان. 1863-يىلى كەڭچىلىك قىلىنغاندىن كېيىن يەنە كيوتوغا بېرىپ ھەربىي ئۆزگىرىش پىلانلىغان. 18-ئاۋغۇست سىياسىي ئۆزگىرىشى سەۋەبى بىلەن سەنجوماكوتو قاتارلىقلار بىلەن ناگاسۇغا قېچىپ كەتكەن. 1864-يىلى يەنە كۇساكا قاتارلىقلار بىلەن ناگاسۇدىكى ۋاسسال ئەسكەرلىرىنى باشلاپ كيوتوغا بېسىپ كىرگەن، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ياماساكى تاغلىرىغا چېكىنىپ، باشقا 16 كىشى بىلەن بىللە ئۆلۈۋالغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى: «يېڭىلىقنىڭ سىرى»، «دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى يېڭى سىياسەت»قاتارلىقلار.

جېنناد يارك

  • جېنناد يارك[يەشمىسى:]Jeanned Arc، تەخمىنەن 1412 — 1431)100 يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى فرانسىيىلىك ئايال مىللىي قەھرىمان. فرانسىيىنىڭ شەرقىي-شىمالىدىكى دومرېمى (Domremy، ھازىرقى ۋوسگېس [Vosges] ئۆلكىسىدە) كەنتىدىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1415-يىلى، ئەنگلىيە قوشۇنى ئازېنكۇ جېڭىدە فرانسىيە قوشۇنىنى يېڭىپ، ئارقىدىنلا فرانسىيىنىڭ پارىژنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالدىكى كەڭ رايونلىرىنى بېسىۋالغان. 1420-يىلى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە «ترويېس (Troyes) سۈلھ شەرتنامىسى»نى ئىمزالاپ، شەرتنامىگە ئاساسەن فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅵ نىڭ ئوغلى چارلېسنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالغان. 1422-يىلى چارلېس Ⅵ ئۆلۈپ كېتىپ، ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅵ فرانسىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە قوشۇمچە ۋارىسلىق قىلغان. شاھزادە چارلېس فرانسىيىنىڭ جەنۇبىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1428-يىلى 10-ئايدا، ئەنگلىيە قوشۇنى پارىژنىڭ جەنۇبىدىكى ئورلېئان شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋېلىپ، پۈتكۈل فرانسىيىنى بېسىۋالماقچى بولغان. مىللەتنىڭ ھايات-ماماتلىق پەيتىدە، جېنناد يارك چارلېس بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى ئۆزىنى قوماندان قىلىپ، ئورلېئان شەھىرىنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتىشكە ماقۇل كەلتۈرگەن. 1429-يىلى 4-ئايدا، جېنناد يارك قوشۇن باشلاپ ئورلېئان شەھىرىنىڭ يېنىغا يېتىپ بارغان. 5-ئاينىڭ باشلىرىدا پىداكارلىق بىلەن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغان ئەنگلىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. خەلق ئۇنى «ئورلېئان قىزى» دەپ مەدھىيىلەشكەن. كېيىن يەنە شىمالغا يۈرۈش قىلىپ بەزى شەھەرلەرنى قايتۇرۇۋالغان. شۇ يىلى 7-ئايدا، چارلېس رەسمىي تاج كىيىپ، فرانسىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ چارلېس Ⅶ دەپ ئاتالغان. جېنناد ياركنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئابرويى بەكمۇ زور بولغانلىقتىن، چارلېس ۋە چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ گۇمان ۋە ئىچى تارلىقىنى قوزغىغان. 1430-يىل 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۇ كومپېن شەھىرى (Compiegne، پارىژنىڭ شىمالىدا)نىڭ يېنىدا ئەنگلىيە قوشۇنى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى — بۇرگوند گۇرۇھىدىكىلەر بىلەن جەڭ قىلغاندا، بۇرگوند گۇرۇھىدىكىلەر ئەسىرگە ئېلىۋېلىپ، كېيىن ئەنگلىيە دائىرىلىرىگە تۇتۇپ بەرگەن. چارلېس قاراپ تۇرۇپ قۇتقۇزمىغان. ئەنگلىيە قوشۇنى ئۇنى دىنىي سوتنىڭ سوراق قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، بىدئەت ۋە ئايال داخان دېگەن جىنايەت بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. 1431-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى روئاندىكى ئوت جازاسى تۈۋرۈكىدە كۆيدۈرۈلگەن.

جيۇباۋسەن (كۇبوياما) ۋەقەسى

  • جيۇباۋسەن (كۇبوياما) ۋەقەسى[يەشمىسى:] يەنى «بېجىنىي ۋەقەسى».

جىزيا

  • جىزيا[يەشمىسى:]Jizyah) ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ جان سانى بېجى. ئەسلىدە بويسۇندۇرۇلغان رايونلاردىكى غەيرىي مۇسۇلمان ئەرلەردىن ئېلىنىپ، باج سوممىسى باج تاپشۇرغۇچىنىڭ مال-مۈلكى ۋە ئورنىغا قاراپ ئوخشاش بولمىغان. قېرى، ئاجىز، ئانا ۋە بالىلاردىن، نامرات راھىب ۋە پوپلاردىن ھەمدە دىننى ئۆزگەرتىپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلاردىن كەچۈرۈم قىلىنغان. ئۇمەييە سۇلالىسى دەۋرىگە، بولۇپمۇ مىلادى Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ياش-قېرى دەپ ئايرىماي، ئومۇميۈزلۈك ئېلىنىدىغان بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە باج سانىمۇ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغان. باج تاپشۇرمىغانلار قاماققا ئېلىنغان. بۇ بارا-بارا، جايلاردا ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ ئېغىر باج-سېلىقلىرىغا قارشى قوزغىلاڭلارنى پەيدا قىلغان. ئوسمان ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدىمۇ بۇ تۈزۈم يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان.

جىسكا

  • جىسكا[يەشمىسى:]Jan Zizka، تەخمىنەن 1360 — 1424) ھۇس ھەرىكىتىدىكى تابور گۇرۇھى قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى، چېخلارنىڭ مىللىي قەھرىمانى. زاۋال تاپقان رىتسار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. چېخلارنىڭ كورۇلى ۋاسلاۋ Ⅳ نىڭ نۆكىرى بولغان. كېيىن چىخ قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىپ 1410-يىلى گرۇنۋارد جېڭىگە قاتنىشىپ، پولشا، لىتۋا ۋە رۇس بىرلەشمە ئارمىيىسىگە ماسلىشىپ تېۇتون رىتسارلار پولكىنى مەغلۇپ قىلغان. 1419-يىلى 7-ئايدا ھۇس ھەرىكىتى پارتلىغاندىن كېيىن تابور گۇرۇھىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ۋە ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1420 — 1422-يىللىرى، رىم پاپاسى بىلەن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى سىگىسمۇندنىڭ چېخقا قارشى قوزغىغان ئۈچ قېتىملىق ئەھلىسەلىپ قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىنى ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ قىلغان. 1422-يىلى ئىككى كۆزى ئەما بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ياردەمچىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ جەڭگە قوماندانلىق قىلغان. كېيىن كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

جىسمانىي جەھەتتىن قوغداش قانۇنى

  • جىسمانىي جەھەتتىن قوغداش قانۇنى[يەشمىسى:]ⅩⅦ ئەسىردە ئەنگلىيە دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللانغان «جىسمانىي ھوقۇق»قا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قانۇن. خۇيگ پارتىيىسى ستۇئارت (Stuart) خاندانلىقىنىڭ ئۆز پارتىيە ئەزالىرىنى خالىغانچە قولغا ئېلىشىغا ۋە مۇددەتسىز قاماپ قويۇشقا قارشى كۈرەش قىلىش داۋامىدا،1679-يىل 5-ئاينىڭ 26-كۈنى كورۇل چارلېس Ⅱ نى بۇ قانۇنغا ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر قىلغان. بۇ قانۇن 1816-، 1862-يىللىرى تولۇقلانغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: قولغا ئېلىنغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلى ئالىي سوت مەھكىمىسىگە «جىسمانىي جەھەتتىن قوغداش بۇيرۇقى»نى چۈشۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، چەكلىك مۇددەت ئىچىدە قولغا ئېلىنغۇچىنى سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ سوت مەھكىمىسى ئاددىي تەرتىپ بويىچە دېلو ئەھۋالى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك، ئەگەر سوت مەھكىمىسى تۇتۇپ تۇرۇشقا يوللۇق ئەمەس دەپ ھېسابلىسا، قولغا ئېلىنغۇچىنى قويۇۋەتسە بولىدۇ؛ ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ شىكايەت قىلىنغان كىشىنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈش كېچىكتۈرۈلگەن بولسا، كۆپلەپ كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇش بىلەن قويۇۋېتىلسە بولىدۇ. ئەنگلىيىلىكلەرنى ئەنگلىيىنىڭ ھەرقانداق مۇستەملىكىسىگە سۈرگۈن قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ ۋەھاكازالار. بۇ قانۇن لايىھىسى ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلغان، شۇنىڭدەك ئوت قويۇش، ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئوخشاش جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىگە تەتبىق قىلىنمايتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەمگەكچى خەلقنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئالىملىرى بۇ قانۇننى ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ھۈججەتلەرنىڭ بىرى دەپ ماختىغان.

جىفۇ (چىچىبۇ) ۋەقەسى

  • جىفۇ (چىچىبۇ) ۋەقەسى[يەشمىسى:] ياپونىيىدىكى ئەركىنلىك-خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى مەزگىلىدە ئەركىنلىك پارتىيىسى ئەزالىرى بىلەن دېھقانلارنىڭ قوراللىق قوزغىلاڭ ۋەقەسى. 1883-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1884-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە، ساكىتاما ناھىيىسى چىچىبۇ يېزىسىدىكى نامرات دېھقانلار كۆپ قېتىم يېزا مەھكىمىسىگە تەلەپ قويۇپ، قەرزلەرنى مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرۇشنى، ئېلىنىدىغان كەنت سېلىقىنى يېنىكلىتىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن ھەممىسى رەت قىلىنغان. 1884-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنى چىچىبۇ يېزىسى تۆۋەنكى يوشىدا كەنتىدە تەخمىنەن 3000 دېھقان ئەركىنلىك پارتىيىسىدىكى سولچىلارنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. تاشىرو (نامرات)لېدىر، كاتوساتو (ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى) مۇئاۋىن لېدىر بولغان، ئۇلار ئىككى چوڭ ئەترەت تۈزگەن، بەش تۈرلۈك ھەربىي ئىنتىزام بەلگىلىگەن، جازانىخورلار ۋە چوڭ پومېشچىكلارنىڭ تۇرار جايلىرىنى ۋەيران قىلغان، قەرز ئالغان ھۈججەتلەرنى ۋە يەر خەتلىرىنى كۆيدۈرگەن، 2-كۈنى چىچىبۇدىكى ئومىيا يېزىسى (ھازىرقى چىچىبۇ شەھىرى)غا كىرىپ، ساقچى مەھكىمىسى ۋە رايونلۇق سوتنى ئىشغال قىلغان ھەمدە يېزىلىق مەھكىمىدە ئىنقىلاب شتابىنى قۇرغان، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى كېڭىيىپ 9 — 10 مىڭ كىشىگە يەتكەن، 3-كۈنى ھۆكۈمەت قوشۇنى بىلەن قاتتىق جەڭ قىلغان، 4-كۈنى ئاساسىي كۈچ تارمار قىلىنغان. قالدۇق قىسىملار چۇمما ناھىيىسى ۋە ناگانو ناھىيىسىگە يۆتكەلگەن.11-كۈنى پۈتۈنلەي باستۇرۇلغان. سوراق قىلىش نەتىجىسىدە، 296 كىشى ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان (يەتتە كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن)، 448 كىشىگە يېنىك جازا ھۆكۈم قىلىنغان، 2642 كىشىگە جەرىمانە قويۇلغان. ئەركىنلىك-خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى مۇشۇ ۋەقە بىلەن يۇقىرى پەللىگە يېتىپ، تۆۋەن باسقۇچقا ئۆتكەن.

جىلۈن

  • جىلۈن[يەشمىسى:] ياپونىيىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقلار دەۋرىدە قەدىمكى قەبرىلەرنىڭ ئۈستىگە ۋە چۆرىسىگە تىزىلىدىغان ساپالدىن ئىشلەنگەن بىر خىل پارقىراق قاچىلار. بۇ نام «ياپونىيە تارىخنامىسى»نىڭ 6- جىلدتىكى تېننو چۈيرېننىڭ 32-يىلى دېگەن قىسمىدا كۆرۈلگەن. مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەيدا بولۇپ، Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياكى Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يوقالغان. ئومۇمەن ئۇنى كانەيچە جىلۈن ۋە ئوبرازلىق جىلۈن دېگەن ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئوبرازلىق جىلۈننىڭ ئۆي جىلۈنى، بايلىق جىلۈنى، ھايۋانات جىلۈنى، ئادەمزات جىلۈنى دېگەنگە ئوخشاش تۈرلىرى بار. بايلىق جىلۈنى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن Ⅴ ئەسىرگىچە داۋام قىلغان؛ ھايۋانات جىلۈنى Ⅴ ئەسىردىن Ⅵ ئەسىرگىچە داۋام قىلغان؛ ئادەمزات جىلۈنى Ⅵ ئەسىرگىچە داۋام قىلغان. ئۇنىڭ قويۇلىدىغان ئورنى دەۋرگە قاراپ ھەر خىل بولغان.

جىڭدېۋاڭ

  • جىڭدېۋاڭ[يەشمىسى:]؟ — 764) چاۋشيەندىكى سىللا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى(742— 765) فامىلىسى جىن، ئىسمى شيەنيىڭ. شېندېۋاڭنىڭ ئوغلى. تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، كۆپ قېتىم ئۇنىڭغا ئەلچى ئەۋەتكەن؛ مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، نۇرغۇن بىلىملىك كىشىلەر يېتىشىپ چىققان؛ بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇپ، نۇرغۇن بۇتلارنى قۇيدۇرغان؛ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى يېڭىباشتىن يولغا قويغان؛ يەرلىك مەمۇرىي رايونلارنى تەرتىپكە سېلىپ، ئەسلىدىكى توققۇز ئايماقنى پۈتۈنلەي خەنزۇچە نام بىلەن ئاتىغان ۋە بەش كىچىك پايتەخت، 117 ۋىلايەت، 293 ناھىيە تەسىس قىلغان؛ مەركەز ئاپپاراتلىرىنىڭ بەزى ئەمەللىرىنى خەنزۇچە نام بىلەن ئاتىغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىل، سىللا دۆلىتىدە فېئوداللىق تۈزۈم يۇقىرى ئۆرلەپ تەرەققىي قىلغان مۇھىم دەۋر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

جىمېنېس

  • جىمېنېس[يەشمىسى:]Juan Romon Jimenez، 1881 — 1958) ئىسپانىيە شائىرى. ۋېلۋا ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. سۋېلىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئوقۇغان. كېيىن مادرىد شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ھەمدە ئەدەبىي ژۇرنال چىقارغان. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئامېرىكا قىتئەسىگە كەتكەن. ئامېرىكىدا 12 يىلدەك تۇرغان. 1951-يىلى پوئېرتورىكۇغا كۆچۈپ بارغان. ئۇ دەسلەپ سمۋولىزم تەرەپدارى بولغان. كېيىن «نوقۇل نەزىم نەزەرىيىسى»نى تەشەببۇس قىلغان. شەكىل، ئاھاڭنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، ھەقىقىي، ساددا بولۇش، ئەركىن يېزىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ «ۋىئولېت گۈلى روھى»، «باتاناق»، «يىراقتىكى گۈلستان»، «1914 — 1915-يىللىرىدىكى 12 مىسرالىق شېئىرلار»، «تاش ۋە ئاسمان»، «مېنىڭ ناخشام» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 1956-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

جىندەن، ساۋجۇڭ قوزغىلىڭى

  • جىندەن، ساۋجۇڭ قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى خەلق قوزغىلىڭى.1177-يىلى (مىڭزۇڭنىڭ 7-يىلى) 5-ئايدا چاۋشيەننىڭ غەربىي شىمالىي رايونىدا جىندەن، كاڭ شۇ ۋە ساۋ جۇڭ رەھبەرلىكىدىكى خەلق قوزغىلىڭى پارتلاپ، غەربىي پايتەخت پخىنياننى ئىشغال قىلغان. 7-ئايدا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان، جىندەن تەسلىم بولۇشنى تەلەپ قىلغان، ۋۇ چىن ھاكىمىيىتى نۇرغۇن قوشۇن ئەۋەتىپ قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلغان ۋە جىندەن قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرگەن. 9-ئايدا، قوزغىلاڭچى قوشۇن پخىنياندىن مياۋشياڭشەن تېغىغا چېكىنگەن، ۋۇچىن ھاكىمىيىتى لى يىمىن باشچىلىقىدىكى ئارمىيىنىڭ قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. 10-ئايدا كاڭشۇ قاتارلىقلار تەسلىم بولغان. 11-ئايدا ساۋجۇڭمۇ تەسلىم بولغان. شۇنداق قىلىپ، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.

جىنتىيەن زويۇجى (سۇكۇدا سايۇكىچى)

  • جىنتىيەن زويۇجى (سۇكۇدا سايۇكىچى)[يەشمىسى:]1873 — 1961)ياپونىيىلىك تارىخشۇناس. توكيودا مەخسۇس مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. «مانجۇرىيە تۆمۈريولى» تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ۋاسىدا داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئۇ ئىلاھى دەۋر تارىخىدىكى ئەپسانىلەر ئوبيېكتىپ رېئاللىق ئەمەس بەلكى خان جەمەتىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى چۈشەندۈرۈپ، خان جەمەتىنىڭ ياپونىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مۇقەررەرلىكى ۋە سىياسىي خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سىياسىي بايان دەپ قارىغان. 1940-يىلى خان جەمەتىنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىغا ھۇجۇم قىلدى دەپ ئەيىبلەنگەن. «ئىلاھى دەۋر تارىخى ھەققىدە يېڭى تەتقىقات» قاتارلىق تۆت پارچە كىتابىمۇ تەقىپ قىلىنغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇ تېننو تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، تېننو ياپونىيە مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى، خەلق روھىنىڭ سىمۋولى دەپ ھېسابلىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئىلاھى دەۋردىكى يېڭى تەتقىقات»، «ياپونىيىنىڭ قەدىمكى زامان تارىخى ھەققىدە تەتقىقات»، «<مۇھاكىمە ۋە بايان> بىلەن كۇڭزى دۇنياسى»، «كۇڭزىچىلار ھەققىدە تەتقىقات» قاتارلىقلار بار. كېيىن يەنە 33 توملۇق «سۇكۇدا سايۇكىچى ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

جىنجۇ

  • جىنجۇ[يەشمىسى:]1876 — 1949) چاۋشيەن كورىيە مۇستەقىللىق پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. كىچىك ۋاقتىدىكى ئىسمى چاڭمۇ، تەخەللۇسى بەي فەن، خۇاڭخەيداۋ ۋىلايىتى، خەيجۇ ناھىيىسىدىن. نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ خەنزۇ ئالىملىرىدىن خەنزۇچە ئۆگەنگەن. 18 يېشىدا دۇڭشۆداڭ پارتىيىسىگە كىرگەن. 1894-يىلى خۇاڭخەيداۋدىكى دۇڭشۆداڭ پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1896-يىلى خانىكە مىن ئۆلتۈرۈلگەندە، ياپون ژاندارمىلىرىغا تۇيۇقسىز زەربە بەرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1898-يىلى تۈرمىدىن چىقىپ راھىب بولغان. 1909-يىلى يۇرتىدا مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1911-يىلى باش ۋالىي تېرائۇچىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە چېتىلىپ قېلىپ يەنە قولغا ئېلىنغان.1914-يىلى تۈرمىدىن چىققان.«1-مارت» ھەرىكىتىدىن كېيىن جۇڭگوغا قېچىپ كەلگەن. شاڭخەيدىكى «كورىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى»دە ساقچى باشلىقى، باش مىنىستىر بولغان. 1928-يىلى كورىيە مۇستەقىللىك پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن ۋە بۇ پارتىيىنىڭ رەھبىرى بولغان. 1932-يىلى لى فېڭچاڭنىڭ ياپونىيە توكيو شەھىرىدە ياپونىيە تېننوسىنى ئۆلتۈرۈشكە باشچىلىق قىلىپ ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان. شۇ يىلى يىن فىڭجىنىڭ شاڭخەي خۇڭكو باغچىسىدا گېنېرال ئارمىيە شىراكاۋا قاتارلىقلارنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈشكە قوماندانلىق قىلغان. 1944-يىلى چۇڭچىڭدا «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت»نىڭ رەئىسى بولغان. 1945-يىلى چاۋشيەن ئازاد بولغاندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ كەتكەن. 1948-يىلى 4-ئايدا پىخنىيانغا بېرىپ جەنۇبىي ۋە شىمالىي چاۋشيەن پارتىيە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىغا قاتناشقان. جەنۇبىي چاۋشيەنگە بارغاندىن كېيىن چاۋشيەننىڭ مۇستەقىللىك بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، لىسېنماننىڭ بىلەن بولغان زىددىيىتى كۈنسېرى يامانلاشقان. 1949-يىل 6-ئاينىڭ 26-كۈنى جەنۇبىي ۋە شىمالىي چاۋشيەندىكى پارتىيە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق بىرلەشمە يىغىنىغا قاتنىشىش ھارپىسىدا لېسىنمان قولچۇمىقى ئەن دۇشى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

جىن جېڭخاۋ

  • جىن جېڭخاۋ[يەشمىسى:] (؟ — 1864) چاۋشيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى جۇغراپىيون. تەخەللۇسى بوۋىن، لەقىمى گۇشەنزى، خۇاڭخەيدا ۋىلايىتىدىن. 1834-يىلى چاۋشيەن خەرىتىلىرى توپلىمى «چىڭچۇ خەرىتىسى»نى تۈزگەندىن كېيىن، تەخمىنەن 30 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، چاۋشيەننىڭ پۈتۈن يېرىنى ئايلىنىپ چىققان. 1861-يىلى تولۇق، مۇكەممەل بولغان «شەرقتىكى دۆلەت ۋە خەرىتە» ناملىق كىتابنى تۈزۈپ چىققان. 1864-يىلى يەنە «شەرق تەزكىرىسى» ناملىق 32 توملۇق كىتاب يېزىپ چىققان. بۇ كىتابلار سودا-قاتناش ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان. لېكىن بېكىنمىچىلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن دايۇەنجۈن تەرىپىدىن تەقىپ قىلىنغان. «شەرقتىكى دۆلەت ۋە خەرىتە» ناملىق كىتابى چاۋشيەننىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغان، دەپ قارىلىنىپ تۇنجى نەشرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. ئۆزى قاماقتا ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كەتكەن.

جىنچىلار قوزغىلىڭى

  • جىنچىلار قوزغىلىڭى[يەشمىسى:] يەنى «زەڭگى قوزغىلىڭى».

جىن خەيبېي قەبرىستانلىقى

  • جىن خەيبېي قەبرىستانلىقى[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت خارابىسى. ئورنى چىڭ شاڭ ئۆلكىسى جىنخەي ۋىلايىتىدە. ئۇ يەردە ئىپتىدائىي ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان جاي، بېيى قەبرىسى ۋە قەبرىلەر بار. 1907-يىلى ياپونلۇقلار ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بارغان، كېيىن سەككىز قېتىم قېزىلغان. 1920-يىلى فىڭ خۇاڭتەينىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى بېي قەبرىسى قېزىلىپ، ساپال قاچىلارنىڭ سۇنۇقلىرى، كۆمۈرگە ئايلانغان شال قاسىراقلىرى، ئات، كالا قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ سۆڭەكلىرى، ھايۋان مۆڭگۈزىدىن ياسالغان قوراللار، بەزى تۆمۈر قوراللارنىڭ پارچىلىرى چىققان. تاش قوراللار بەكمۇ ئاز. بۇنىڭدىن باشقا ۋاڭ ماڭ زامانىسىدىكى بىر تال تەڭگە پۇل — خوچۈەن تېپىلغان. 1934 — 1935-يىللىرى يەنە بىر قېتىم قېزىلىپ ساپال تاۋۇت بىلەن تاش تاۋۇت قاتار قويۇلغان قەبرىستانلىق خارابىسى تېپىلغان. ساپال تاۋۇتتىن مىستىن ياسالغان ئىككى دانە برۇنزا قىلىچ، يەتتە دانە نەيزە، تاش تاۋۇتتىن ئىككى تال ئوقيا ئوقى، بىردانە قىزىل مىس چۆگۈن چىققان، بۇ نەرسىلەر مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ۋە Ⅱ ئەسىردىكى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش خارابىسى دەپ ھۆكۈم قىلىنغان، قېزىلمىلار بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ برۇنزا ۋە تۆمۈردىن ياسالغان قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكىنى، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، شۇنىڭدەك خەنزۇ مەدەنىيىتى بىلەن مۇئەييەن دەرىجىدە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

جىن خۇڭجى

  • جىن خۇڭجى[يەشمىسى:]1842 — 1896) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى باش ۋەزىرى (1894 — 1895، 1895 — 1896). دەسلەپكى ئىسمى خۇڭجى، تەخەللۇسى جىڭ نىڭ، لەقىمى داۋيۈەن. چىڭجۇ ۋىلايىتىدىن. 1868-يىلى ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. 1880-يىلى ياپونىيىگە ئەلچى بولۇپ بېرىپ جۇڭگولۇق خۇاڭ زۇنشيەن يازغان «چاۋشيەن تاكتىكىسى» دېگەن كىتابنى ئەكىلىپ كەڭ تارقاتقان. 1884-يىلى سىئول ھۆكۈمىتىدە سوراقچى بولغان. 1894-يىلى ياپونىيىگە تايىنىپ باش ۋەزىر بولغان، ئىككىنچى يىلى «ئۈچ دۆلەتنىڭ ئارىلىشىشى» بىلەن ياپونىيە كۈچلىرىنىڭ ۋاقتىنچە چېكىنىشى تۈپەيلىدىن تەختتىن چۈشكەن. 1895-يىلى بانو مىنفېي سۇيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ دايۇەنجۈن ۋە ياپونىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا يەنە ئىچكى كابىنېت تەشكىللەپ باش مىنىستىر بولغان، ئىككىنچى يىلى روسىيە- پەرەسلەرنىڭ پادىشاھنى ئالداپ روسىيە كونسۇلخانىسىغا ئەپكەتمەكچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ جىڭفۇگۇڭ ئوردىسىغا كېتىۋاتقاندا تۇتقۇن قىلىنىپ قەتلى قىلىنغان.

جىن سۇڭ

  • جىن سۇڭ[يەشمىسى:]؟ — 1623) ۋيېتنام جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلىرى مەزگىلىدە جەنۇبىي سۇلالىلەر (كېيىنكى لى سۇلالىسى)نىڭ چوڭ سانغۇنى. جىن جيەننىڭ ئىككىنچى ئوغلى. 1570-يىلى، ئۇ دادىسىنىڭ ھەربىي ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلغان. شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ خانى مۇشى بىلەن ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۇرۇش قىلغان. 1592-يىلى شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ پايتەختى شىڭلۇڭ (ھازىرقى خانۇي)نى ئىشغال قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جەنۇب ۋە شىمالنىڭ قارشىلىشىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بەرگەن. كېيىن ئۆزىنى ئەلنى خاتىرجەم قىلغۇچى خان دەپ ئاتاپ، مەھكىمە تەسىس قىلىپ، دۆلەتنىڭ جىمى ھوقۇقىنى ئىگىلىۋالغان. پادىشاھ قورچاققا ئايلىنىپ قالغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جىن جەمەتى خانلىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەتكىچە ھاكىمىيەت سوراپ، جىن بېگىم دەپ ئاتالغان «لى جەمەتى پادىشاھ بولغان، جىن جەمەتى ھاكىمىيەت سورايدىغان» مەزگىل باشلانغان، بۇ ئارىلىقتا جەنۇبتىكى رۇۋەن جەمەتى بىلەن تىركىشىپ ئۈستۈنلۈكنى تالاشقان.

جىن شىڭجۇ

  • جىن شىڭجۇ[يەشمىسى:]1891 — 1955) جەنۇبىي چاۋشيەندىكى سودا-سانائەتچى، دېموكراتىك خەلق پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى. لەقىمى رىن سۇن، چۈەندۇلوبېي ۋىلايىتى، گاۋشياڭ ناھىيىسىدىن. 1914-يىلى ياپونىيە ۋاسېدا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جۇڭياڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ داۋاملىق ئاچقان. 1919-يىلى مىللىي كاپىتالنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە «پايتەخت توقۇمىچىلىق جەمئىيىتىنى» تەسىس قىلغان، كېيىن «1-مارت» ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، مىللەتچىلىك مەدەنىي مائارىپ پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1920-يىلى «شەرقىي ئاسىيا گېزىتى»نى تەسىس قىلغان. 1932-يىلى پوچىڭ تېخنىكۇمىنى (كورىيە داشۆسىنىڭ تەكتى) قۇرغان ھەمدە بۇ مەكتەپكە مۇدىر بولغان. 1945-يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى جەنۇبىي چاۋشيەندە قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھەربىي ئىشلىرى نازارىتىنىڭ باش مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1946-يىلى كورىيە دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىگە، كورىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش مىللىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1949-يىلى دېموكراتىك پارتىيە بىلەن خەلق پارتىيىسى قوشۇلۇپ دېموكراتىك خەلق پارتىيىسى بولغان. جىن شىڭجۇ بۇ پارتىيىنىڭ ئالىي كومىتېت ئەزاسى بولغان. 1951-يىلى مۇئاۋىن «زۇڭتۇڭ» لىققا سايلانغان، لىسېنماننىڭ مۇستەبىتلىكىگە قارشى تۇرغانلىقتىن ئىككىنچى يىلى 5-ئايدا خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن.

جىن شىمىن

  • جىن شىمىن[يەشمىسى:] چاۋشيەن رىنچىن ۋەتەن ئۇرۇشىدىكى ۋەتەنپەرۋەر سەركەردە. 1592-يىلى 10-ئايدا ۋۇشەن، جىنخەي قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ 30 مىڭدىن ئوشۇق ئەسكىرى چىڭ شاڭداۋ ۋىلايىتى جىنجۇ ناھىيىسىگە ھۇجۇم قىلغان. جىن شىمىن 3700 كىشىلىك قوغدىغۇچى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ چىڭ ساقلىغان. شەھەر خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئۇرۇشقا قاتنىشىشى، شۇنىڭدەك گوزەييۇ قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى پىدائىي قوشۇنلارنىڭ ماسلىشىشىغا ئېرىشكەن. 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۇچرىغان دۈشمەن مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەن.بۇ ۋەقە تارىختا «جىنجۇدىكى ئۇلۇغ غەلىبە» دەپ ئاتالغان.

جىن شياۋيۈەن

  • جىن شياۋيۈەن[يەشمىسى:]1532 — 1590)چاۋشيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىككى تەرەپ مۆتىۋەرلىرى ئىچىدىكى دوڭرىنداڭچىلارنىڭ كاتتىبېشى. چىڭ شاڭداۋ ۋىلايىتى، شيەنشەن ناھىيىسىدىن، تەخەللۇسى رىن بۇ، لەقىمى شېڭ يەن، ۋەزىر يىڭ يۈەنخىڭنىڭ تۇغقىنى. جىن زۇڭجى ئىلمىي ئېقىمىدىكى جىن جىنسىدىن تەلىم ئالغان. 1565 يىلى (مىڭزۇڭنىڭ 20-يىلى) ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. شۇ ۋاقىتتا مەسلىھەتچى ۋۇ جيەن ئۆزىنىڭ ئورۇنباسارلىقىغا تەيىنلىمەكچى بولغاندا، ئوردا ۋەزىرى شىن يىجەننىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. شۈەنزۇ ۋاقتىدا مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىنىپ، ئوردا ئەمەلدارلىرى ئىچىدە ئابروي قازانغان. شىن يىجەننىڭ ئىنىسى جۇڭ جيەن مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىنىش كويىدا بولغاندا شياۋيۈەن ئارىدا توسقۇنلۇق قىلغان، شۇڭا ئوردىدىكى ئەمەلدار ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق-مەنپەئەت تالىشىش كەسكىنلەشكەن. ئىلگىرىكى ئۆلىمالار شېن يىچيەنگە ئەگەشكەن، يېڭى ئۆلىمالار جىن شياۋيۈەننى قوللىغان. 1575-يىلى (شۈەنزۇنىڭ 8-يىلى)شىن بىلەن جىندىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھ شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ ئۆيى خەنچىڭنىڭ شەرقىدىكى گەنچۈەندۇڭدا بولغاچقا ئۇنىڭ گۇرۇھىدىكىلەر شەرقلىكلەر دەپ ئاتالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي لى ئىرنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن شيەنجىڭ، جياڭيۈەن ۋىلايەتلىرىگە بېرىپ جايلارنىڭ مەھكىمە ئامبىلى بولغان.

جىن فوشى

  • جىن فوشى[يەشمىسى:]1075 — 1151) چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئالىم. چىڭجۇ شەھىرىدىن. لەقىمى لى چۈەن. سۇزۇڭ دەۋرىدە ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. رىنزۇڭ دەۋرىدە ئەمەل تۇتقان. شاغاۋۇل ۋازارىتىدە يانداش ئامبال، نوپۇس پىرقىسىدا دىۋانبېگى ۋە باش مىرزا قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1135-يىلى ئەمر-لەشكەر بولۇپ، قوشۇن باشلاپ پخىنياندىكى مياۋچىڭ توپىلىڭىنى باستۇرغان. ئىككىنچى يىلى شىنجىڭنى ئىشغال قىلغان. 1142-يىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1145-يىلى «ئۈچ دۆلەت تارىخى» نى تۈزۈپ چىققان، يەنە ئۇ «رۇڭزۇڭ خاتىرىلىرى»، «رىن زۇڭ خاتىرىلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

جىن كۈيجى

  • جىن كۈيجى[يەشمىسى:]1877 — 1952) چاۋشيەن جىڭجىداۋ ۋىلايىتىدىن.1897-يىلى ئامېرىكىدا ئوقۇغان. 1905-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. يەنشى مەكتىپىدە پروفېسسور بولغان، 1913-يىلى جۇڭگوغا قېچىپ كەلگەن. 1922-يىلى موسكۋاغا بېرىپ يىراق شەرقتىكى مەزلۇم مىللەتلەر يىغىنىغا قاتناشقان. 1919-يىلى «كورىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت»نىڭ تاشقى ئىشلار باشلىقى سالاھىيىتى بىلەن چاۋشيەننىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى سۈپىتىدە پارىژدىكى سۈلھ كېڭىشىگە قاتناشقان. شۇ يىلى مائارىپ باشلىقىلىق خىزمىتىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. 1923-يىلى ئامېرىكا لارنوك داشۆسىدە قانۇنشۇناسلىق بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.1935-يىلى جۇڭگونىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە دېموكراتىك ئىنقىلابىي پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن. كېيىنكى چاغلاردا جۇڭگونىڭ بېيپىڭ، نەنجىڭ ۋە سىچۇەن قاتارلىق جايلىرىدىكى داشۆلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1940-يىلى «كورىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» گە مۇئاۋىن رەئىس بولغان. 1945-يىلى چاۋشيەن ئازاد بولغاندىن كېيىن جىنجۇ قاتارلىقلار بىلەن چاۋشيەنگە قايتىپ كېلىپ، موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارىغا قارشى تۇرغان. ئوڭچىل كۈچلەرنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. 1946-يىلى ئامېرىكا ئىشغالىيەتچى قوشۇنلىرىنىڭ مەسلىھەتچىلىك ئورگىنى «دېموكراتىك پالاتا» قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. كېيىن لويونخىڭ، جىنجۇ قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ سولچى ۋە ئوڭچى كۈچلەرنىڭ چوڭ بىرلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، لىسېنماننىڭ جەنۇبىي چاۋشيەندە ئۆز ئالدىغا سايلىنىشىغا ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرغان. بىرلىككە كەلگەن ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، 1948-يىلى 4-ئايدا جىنجۇ قاتارلىقلار بىلەن پخىنياندا ئېچىلغان جەنۇب ۋە شىمال ئىككى تەرەپنىڭ كېڭەش يىغىنىغا قاتناشقان. لېكىن نەتىجە چىقىرالمىغان. سىئولغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن لىسېنمان بىلەن سىياسىي كۆزقارىشى بىرلىككە كەلمەي تەركىدۇنيا بولۇپ كەتكەن.

جىنلىڭ بەگلىكى

  • جىنلىڭ بەگلىكى[يەشمىسى:] تايلاند زېمىنىدىكى قەدىمكى بەگلىك. بۇرۇنقى ئورنى ھازىرقى تايلاندنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۈچلۈك قوشنىسى ۋۇنەن بەگلىكىنىڭ تەھلىكىسىگە ئۇچرىغان. جۇڭگونىڭ سۈي ۋە تاڭ سۇلالىلىرى ۋاقتىدا ھازىرقى سىيام قولتۇقى جىنلىڭ قولتۇقى دەپ ئاتالغان، يەنى بۇ ئىسىم ئاشۇ بەگلىكتىن كەلگەن.

جىن مىڭجو

  • جىن مىڭجو[يەشمىسى:]1337 — 1392)چاۋشيەن ۋاڭ جەمەتى كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئۆتكەن ۋەزىر. كۇڭزىچى، ئىسمى داكى، يەنزىلىق. ئەلچى سۈپىتىدە جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسىگە ۋە ياپونىيىگە ئەلچى بولۇپ بارغان. قائىدەشۇناسلىقنى تەشەببۇس قىلغان. ئۈچ ئەركان، بەش ئەھكامنى تەرغىپ قىلىپ، فېئوداللىق نەسەب تۈزۈمىنى قوغدىغان ۋە كۈچەيتكەن ھەمدە ئىسلاھاتقا قارشى چىققان. كېيىن لى چېڭگۇي قۇرغان يېڭى سۇلالىگە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن.

جىنناھ

  • جىنناھ[يەشمىسى:]Mohammed Ali Jinnah، 1876 — 1948) پاكىستاننىڭ دۆلەت قۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. پاكىستاننىڭ تۇنجى باش ۋالىيسى. كاراچىدىكى بىر مۇسۇلمان باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1892-يىلى ئەنگلىيىدىكى لېنكولىن ئادۋوكاتلار شۆيۈەنىگە كىرىپ قانۇن ئوقۇغان. 1895-يىلى ئادۋوكاتلىق سالاھىيەتكە ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەنگلىيىنىڭ تۈزۈمىنى تەتقىق قىلغان. نائوروجىغا ئەگىشىپ، ئۇزاق ۋاقىت ئۇنىڭ شەخسىي كاتىپى بولغان. 1896-يىلى ھىندىستانغا قايتىپ، بومبايدا ئادۋوكاتلىق قىلغان. 1906-يىلى ھىندىستان خەلق كونگىرېسى پارتىيىسىنىڭ كالكوتتا يىغىنىغا قاتناشقان، ھىندىستان مىللىي ھەرىكىتىگە ئاتلانغان. 1910-يىلى، بومباي مۇسۇلمانلىرى تەرىپىدىن مەركىزىي قانۇن تۈزۈش كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1913-يىلى مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن، 1916-يىلى ۋە 1920-يىلى ئىككى قېتىم رەئىس بولغان. ھىندى دىنى مۇرىتلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقلىقى يولىدا كۈچ چىقارغان. كېيىن گەندىنىڭ ھەمكارلاشماسلىق پروگراممىسىغا قوشۇلمىغانلىقتىن، 1920-يىلى خەلق كونگىرېسى پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىققان. 1929-يىلى مۇسۇلمانلار مەركىزى قانۇن تۈزۈش كېڭىشىدە ئۈچتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق «14 نۇقتىلىق پىلان»نى ئوتتۇرىغا قويغان. 1930 — 1932-يىللىرى لوندوندىكى يۇمىلاق جوزا يىغىنىغا قاتناشقان. 1934-يىلى مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ مەڭگۈلۈك رەئىسى بولغان. 1940-يىلى، ھىندى دىنى مۇرىتلىرى بىلەن مۇسۇلمانلار «ئىككى مىللەت» دېگەن پىكرىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە مۇستەقىل مۇسۇلمان دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 1947-يىلى 8-ئايدا ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈپ ئىدارە قىلىنغاندىن كېيىن، پاكىستان ئاپتونومىيىسىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. ياندۇرقى يىلى كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.

جىن يۇجۇن

  • جىن يۇجۇن[يەشمىسى:]1851 — 1894) چاۋشيەن مۇستەقىللىك پارتىيىسىنىڭ باشلىقى. تەخەللۇسى بوۋىن، لەقىمى گوجۇن. چىڭشياڭ ۋىلايىتىنىڭ ئەندۇڭ دېگەن يېرىدىن. جۇڭچىڭ ۋىلايىتى گۇڭجۇ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1872-يىلى ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يانداش مەنسەپ بېگى، يانداش تۇتۇقبېگى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. بۇرژۇئا ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، پياۋ يۇڭشياۋ قاتارلىقلار بىلەن مۇستەقىللىك پارتىيىسىنى (ئاقارتقۇچىلار پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تەشكىللەپ، مەزكۇر پارتىيىگە باشلىق بولغان. 1884-يىل 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ياپونىيە ئارمىيىسىگە تايىنىپ سىياسىي ئۆزگىرىش (جياشېن سىياسىي ئۆزگىرىشى) قوزغىغان ۋە يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن. بۇ ھۆكۈمەت پەقەت ئۈچ كۈنلا پۇت تىرەپ تۇرالىغان، مەغلۇپ بولۇپ، ياپونىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1894-يىلى تېررورچى قاتىل خوڭ جۇڭيۇ ئۇنى ياپونىيىدىن جۇڭگونىڭ شاڭخەي شەھىرىگە ئالداپ ئەپكېلىپ شۇ جايدا ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

جىن يۇشىن

  • جىن يۇشىن[يەشمىسى:]595 — 673) چاۋشيەندىكى سېللا دۆلىتىنىڭ سەركەردىسى. جىن خەيجالو خان جەمەتىدىن كېلىپ چىققان. مىلادى 629-يىلى كورىيە ئارمىيىسى بىلەن نياڭبىچىڭ شەھىرىدە ئۇرۇش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەن. ئىچكى جەھەتتە سېللا دۆلىتىنىڭ پادىشاھلىق ھۆكۈمرانلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن. 647-يىلى ۋەزىر پىتەن قاتارلىقلار ئايال پادىشاھ شيەندىنى ئاغدۇرۇش قەستىدە ئىسيان كۆتۈرگەندە قوشۇن تارتىپ پىتەننى مەغلۇپ قىلغان. 654-يىلى ئايال پادىشاھ جىندى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەم چىقمىغاندا جىنچۇن چو (تەيزۇڭ ۋولېۋاڭ)نى يۆلەپ تەختكە چىقارغان. سېللانىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەرگەن. 660-يىلى جىنچۇن چوغا ئەگىشىپ سېللا قوشۇنىنى باشلاپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ پېكچىنى يوقاتقان. 668-يىلى كورىيىگە ھۇجۇم قىلغان. تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان ئاشلىق-تۈلۈككە نازارەت قىلغان. خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چىڭ شاڭبىيداۋ ۋىلايىتىدىكى چىڭجۇ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى چيەنمۇ قەبرىسى جىن يوشىنىڭ قەبرىسى ئىكەن.

جىن يۇنجى

  • جىن يۇنجى[يەشمىسى:]1835 — 1922) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ۋەزىرى. تەخەللۇسى شۇچىڭ، لەقىمى يۇنياڭ، جۇڭچىڭ بىيداۋدىكى چىڭفىڭدىن. 1864-يىلى تەشرىپدار بولغان. جۇڭخەيداۋدا مەخپىي تەپتىش بېگى بولغان، 1881-يىلى باشلامچى ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەندە 65 نەپەر ئوقۇغۇچىنى باشلاپ تيەنجىندىكى ماشىنىسازلىق جۇجۇقى تەرىپىدىن ئېچىلغان كۇرسقا بېرىپ، ئۇ يەردە غەربنىڭ قورال-ياراقلىرىنى ياساشنى ئۆگەنگەن، ئىككىنچى يىلى «چاۋشيەن-ئامېرىكا شەرتنامىسى» تۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە لى خۇڭجاڭ بىلەن مۇزاكىرىلەشكەن. كېيىن ماشىنىسازلىق جۇجۇقىنىڭ باشلىقى بولغان. 1884-يىلى جياشىن سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ئاقارتقۇچىلار پارتىيىسى ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغان، كېيىنكى چاغدا ھەربىي لاۋازىمەت ئەمەلدارى ۋە سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. خانىش مىننىڭ روسىيەپەرەسلىك سىياسىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن ميەنچۈەنگە سۈرگۈن قىلىنغان. 1894-يىلى جىنخۇڭجى ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەندە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1897-يىلى جىجۇ ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن جىداۋ ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1907-يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن خانلىق تۈزۈم جۇجۇقىنىڭ لىدىرى، زوراغاللىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ياپونىيىنىڭ چاۋشيەننى يۇتۇۋېلىشىغا ياردەملەشكەنلىكى ئۈچۈن ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ۋىكونتلىق مەرتىۋىسىنى بەرگەن. 1919-يىلى «1-مارت» ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ۋىكونتلىق ئۇنۋانىدىن مەھرۇم بولغان، نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان مەزگىللەردە ئۆلگەن. ئەسەرلىرىدىن «تيەنجىن ھەققىدە پاراڭلار»، «يىنچىڭ تارىخى»، «يونياڭ توپلىمى» قاتارلىقلار بولۇپ، يېقىنقى زامان چاۋشيەن تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

جىۋۇپۇ شەرتنامىسى

  • جىۋۇپۇ شەرتنامىسى[يەشمىسى:] چاۋشيەن ياپونىيە بىلەن ئىمزالىغان تەڭسىز شەرتنامە. 1882-يىل 7-ئاينىڭ 23-كۈنى دايۇەنجۈن باشچىلىقىدىكى بىر مەزھەپ كىچىك خانىكە مىن تەرەپدارلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، خان ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، يېڭى ئارمىيىنى باشقۇرۇۋاتقان مىن چيەنگاۋ، پايتەخت مۇپەتتىشى جىن پۇشۇەن قاتارلىقلارنى ۋە ياپونىيە ھەربىي ئوقۇتقۇچىسىنى ئۆلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياپونىيە ئەلچىسى خانافۇسا گىشىتسۇ (1842 — 1917) ئەلچىخانىغا ئوت قويۇۋېتىپ، ياپونىيىگە قېچىپ كەتكەن. ۋەقە ئۆتكەندىن كېيىن، ياپونىيە فانافۇسا گىشىقسۇ باشچىلىقىدا ھەربىي پاراخوتلىرىنى ئىنچۇڭغا ئەۋەتىپ، چاۋشيەننى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى جىۋۇپۇدا مەزكۇر شەرتنامىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. شەرتنامىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: قاتىلنى جازالاش؛ ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە-تەۋەسىگە نەپىقە بېرىش؛ 500 مىڭ ياپونىيە يىنى تۆلەش؛ ياپونىيە ئەلچىخانىسىدا مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى تەسىس قىلىش ھەمدە ئۇلارغا چاۋشيەن تەرەپ گازارما سېلىپ بېرىش؛ ياپونىيىگە ئەلچى ئەۋەتىپ گۇناھىنى تىلەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. شۇنىڭدىن كېيىن، ياپونىيە چاۋشيەندە ئەسكەر تۇرغۇزۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.

جې ليەن (ساكاي خىكو)

  • جې ليەن (ساكاي خىكو)[يەشمىسى:]1871 — 1933)، ياپونىيىلىك سوتسىيالىست. بىرىنچى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن قالغان. ياش ۋاقتىدا ئەركىن خەلق ھوقۇقى ئىدىيىسىنى تەشەببۇس قىلغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سوتسىيالىزم ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1901-يىلى «سەھەر گېزىتى» دە ئوبزور ئېلان قىلغان. ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىدىن بۇرۇن، كوتوكۇ قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئۇرۇشقا قارشى تۇرغان. 10-ئايدا «سەھەر گېزىتى» ئىدارىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، پۇقرالار جەمئىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە «پۇقرالار خەۋىرى»نى تەسىس قىلىپ، «پۇقراپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم، تىنچلىق»نى تەرغىپ قىلغان. 1904-يىلى كوتوكۇ بىلەن بىرلىكتە «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نى تەرجىمە قىلغان بولسىمۇ سېتىش مەنئى قىلىنغان.1906-يىلى ياپونىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان.1908-يىلى قىزىلبايراق ۋەقەسى يۈز بەرگەندە قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە سولانغان. 1910-يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن كىتاب سېتىش جەمئىيىتىنى قۇرغان. 1915-يىلى «يېڭى جەمئىيەت» ژۇرنىلىنى نەشىر قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1920-يىلى ياپونىيە سوتسىيالىستلار ئىتتىپاقىنى ئۇيۇشتۇرغان، 1922-يىلى ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1923-يىلى 6-ئايدا قولغا ئېلىنىپ،12-ئايدا تۈرمىدىن چىققان. ئۇنىڭدىن كېيىن پارتىيىدىن ئايرىلىپ، سوتسىيال دېموكراتقا ئايلىنىپ كەتكەن ۋە پرولېتارلار ئاۋام پارتىيىسى، ياپونىيە ئاۋام پارتىيىسىگە قاتناشقان. «18-سېنتەبر»ۋەقەسىدىن كېيىن، مەملىكەتلىك ئەمگەكچى دېھقانلار ئاۋام پارتىيىسىنىڭ ئۇرۇشقا قارشى ۋېيۇەنجاڭى بولۇپ، ياپونىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى ئىشغال قىلىۋېلىشىغا قارشى تۇرغان. كېيىن ئالتە توملۇق «جې ليەن ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىنغان.

جياشېن سىياسىي ئۆزگىرىشى

  • جياشېن سىياسىي ئۆزگىرىشى[يەشمىسى:] چاۋشيەن مەرىپەتپەرۋەرلىرىنىڭ 1884-يىلى (جياشىن يىلى) قوزغىغان قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىشى. 1884-يىل 12-ئاينىڭ 4-كۈنى مەرىپەتپەرۋەرلەرنىڭ كاتتىباشلىرىدىن خۇاڭ يىڭجژ، چىن يۇجۈن، پياۋ يۇڭشياۋ قاتارلىقلار ياپونىيە ئەلچىسى تاكېسويې شىنچىرونىڭ پىلانلىشىدا پوچتا ئىدارىسىنىڭ قۇرۇلۇش زىياپىتى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ھاكىمىيەت بېشىدىكى مۇتەئەسسىپلەر گۇرۇھىنىڭ مۇھىم ئەربابلىرىغا سۇيىقەست قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، ئىشقا ئاشۇرالمىغان. كىنگيو كۇكىن قاتارلىقلار تېزلىكتە خان ئوردىسىغا بېرىپ، جۇڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسى قالايمىقانچىلىق قىلماقچى دەپ يالغان مەلۇمات قىلغان. پادىشاھ ياپونىيە ئەلچىسىنىڭ ئەسكەر ئەۋەتىپ خان ئوردىسىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان. ياپونىيە ئەلچىسى ئوردىغا ئەسكەر باشلاپ كىرىپ، پادىشاھنى جىڭيۇ ئوردىسىغا يۆتكىگەن. مەرىپەتپەرۋەرلەر خاننىڭ ئەمرى دېگەن نام بىلەن مۇتەئەسسىپلەر گۇرۇھىدىكى مىن يۇڭمۇ، مىن تەيگاۋ قاتارلىقلارنى چاقىرتىپ كېلىپ دەرھال كاللىسىنى ئالغان. شۇنداق قىلىپ بىر كېچىدىلا مۇتەئەسسىپلەر ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، «مەرىپەتپەرۋەرلەر ھاكىمىيىتى» نى تىكلىگەن. ئىككىنچى كۈنى پادىشاھنى چاڭدې ئوردىسىغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەن. ئەمما مۇتەئەسسىپلەر گۇرۇھى جۇڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسىدىن ياردەم ئېلىپ 6-كۈنى ئوردىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن، ياپونىيە ئەلچىسى ۋەزىيەتنىڭ پايدىسىزلىقىنى كۆرۈپ ئەلچىخانىغا يېنىپ كەلگەن. بۇ قالايمىقانچىلىقتا خۇڭ يىڭجژ، پياۋيۇڭجياۋ (پياۋ يۇڭشياۋنىڭ ئاكىسى) ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. 30 نەچچە ياپونىيىلىك ئۆلگەن، ياپونىيە ئەلچىسى تاكېسويې شىنچىرو ئىنچونگە قېچىپ كەتكەن. پياۋ يۇڭشياۋ، جىن يۇجۇن قاتارلىقلار ياپونىيىدە جېنىدىن ئايرىلغان. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى ياپونىيە ئىنوئۇيې كائورۇ باشچىلىقىدىكى چوڭ قوشۇننى چاۋشيەنگە ئەۋەتىپ پوپوزا قىلغان. نەتىجىدە «سېئۇل شەرتنامىسى»تۈزۈلگەن.

جياڭ خەنزەن

  • جياڭ خەنزەن[يەشمىسى:]947 — 1031) چاۋشيەننىڭ كورىيە سۇلالىسى دەۋرىدە قىتانلارنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى زەربە بەرگەن ھەربىي ئەمەلدار، ۋەتەنپەرۋەر. كيوڭگى بەگلىكىنىڭ شىشىڭ ۋىلايىتى جىنجۇدا ئۆتكەن ئادەم. بۇرۇنقى ئىسمى يېنچۈەن، ئۆلگەندىن كېيىن رېنشيەن دەپ ئاتالغان. چېڭزۇڭ دەۋرىدە ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. 1010-يىلى (شيەنزۇڭنىڭ 1-يىلى)، قىتانلار پادىشاھى شېنزۇڭ قوشۇن باشلاپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، غەربىي پايتەخت پخىنيانغا ھۇجۇم قىلغاندا، ۋەزىرلەر تەسلىم بولۇشنى مەسلىھەت قىلغان، خەنزەن قارشى چىققان ھەمدە خاننى جەنۇبقا يۆتكىلىپ، ئۇرۇشتىن پاناھداپ تۇرۇپ، كېيىنچە ئاستا-ئاستا ئامال قىلىشقا ئۈندىگەن. 1018-يىلى (شيەنزۇڭنىڭ 9-يىلى) غەربىي شىمالىي تەرەپتىكى بارگاھنىڭ باش مۇپەتتىشى، باش قوماندان بولۇپ، شىڭخۇ بازىرى (شىمالىي پىڭئەن بەگلىكىنىڭ يىجۇ ۋىلايىتى)دا پىستىرما قويۇش ۋە سۇدىن ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسى ئارقىلىق، قىتان قوشۇنىنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتقان، كېيىنكى يىلى يەنە گۇيجۇ (شىمالىي پىڭئەن بەگلىكىنىڭ گۇيچېڭ ۋىلايىتى)دا ئۇلارنى يەنە مەغلۇپ قىلغان. تيەنشۈي ناھىيىسىنىڭ ئاساسچىسى، ئۈچيۈزلۈك ھاكىم دېگەن مەنسەپلەر بىلەن تارتۇقلانغان. دېزۇڭ دەۋرىدە ئوردا نۆكەر بېگى، تيەنشۈي ۋىلايىتىنىڭ ئاساسچىسى، مىڭبېگى قاتارلىق ئەمەللەردە بولغان.

جياۋۇ دېھقانلار ئۇرۇشى

  • جياۋۇ دېھقانلار ئۇرۇشى[يەشمىسى:] شەرقشۇناسلار پارتىيىسى قوزغىلىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چاۋشيەن دېھقانلىرىنىڭ 1894-يىلى (جياۋۇ يىلى) فېئودال ھۆكۈمرانلىققا ۋە چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق قوزغىلىڭى. 1864-يىلى شەرقشۇناسلار پارتىيىسىنىڭ پىرى سۈي جيۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، شەرقشۇناسلار پارتىيىسىنىڭ مۇرىتلىرى ھۆكۈمەتنىڭ زۇلمىغا ۋە چەت ئەللەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارىتا بارغانسېرى نارازى بولغان. 1892-يىلى كەڭ مۇرىتلار ئۆزلىرىنىڭ پىرىنى ئاقلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان. بۇ ھەرىكەت 1893-يىلى يازدا ياپونىيىلىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىشتىن ئىبارەت سىياسىي ھەرىكەتكە قاراپ تەرەققىي قىلىپ ھەرقايسى جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. 1894-يىلى 2-ئايدا، شەرقشۇناسلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى چۇەن بىڭجۈن سېللا ئۆلكىسىنىڭ گۇفۇ ۋىلايىتىدە دېھقانلارنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىنى ئىگىلىۋالغان. ھەممە ئەتراپقا چاقىرىقنامە تارقىتىپ، خەلقنى ئەمەلدار ئاقسۆڭەكلەرنى يوقىتىپ، ياپونلارنى ھەيدەپ چىقىرىشقا دەۋەت قىلغان، كەڭ نامرات دېھقانلار تەرەپ-تەرەپتىن ئاۋاز قوشۇپ، كەڭ كۆلەملىك قوراللىق قوزغىلاڭ شەكىللەنگەن. شۇ يىلى 5-ئايدا قوزغىلاڭچى قوشۇن سېللا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىي چونجۇنى ئىشغال قىلىپ، داڭقى تېخىمۇ ئاشقان. ھۆكۈمەت ئارمىيىسى قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ، يالغاندىن يارىشىشنى تەلەپ قىلغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن ئىچىدە يارىشىش ياكى ئۇرۇشۇش مەسىلىسىدە قارىمۇ قارشىلىق كېلىپ چىقىپ، ئاخىرى مۇرەسسە قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن سۈلھ تۈزگەن. ئۇرۇش توختىغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچى دېھقانلار ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كەتكەن. شۇ يىلى 6-ئايدا، جۇڭگو ۋە ياپونىيە دۆلەتلىرى چاۋشيەنگە ئەسكەر چىقارغان. جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش يۈز بېرىپ، چۇەن بىڭجۈن باشچىلىقىدىكى بىر تەرەپ ياپونىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 10-ئايدىن باشلاپ سېللا، چۇڭچوڭ ئۆلكىلىرىدە ھۇجۇم قوزغىغان. 11-ئايدىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىچە كېڭەيگەن. ئەمما كۈچلەر سېلىشتۇرمىسىدا پەرق زور بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيە ئارمىيىسى شەرقشۇناسلار پارتىيىسى ئىچىگە جاسۇسلارنى كىرگۈزۈپ بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقتىن، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. چۈەن بىڭجۈن شۇ يىلى 12-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، 2-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

جياۋۇ ئىسلاھاتى

  • جياۋۇ ئىسلاھاتى[يەشمىسى:] 1894-يىلى (جياۋۇ يىلى) چاۋشيەن جىن خۇڭجى كابىنېتى ياپونىيىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن يۈرگۈزگەن «دۆلەت سىياسىتى ئىسلاھاتى»، جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى پارتلىشىنىڭ ھارپىسىدا، ياپونىيە چاۋشيەنگە ئەسكەر چىقىرىپ ھاكىمىيەت تۇتۇپ تۇرغان مىن فېي گۇرۇھى كۈچلىرىنى قوغلىۋېتىپ، مىن فېي گۇرۇھىغا قارشى گۇرۇھنىڭ باشلىقى دايۈەنجۈن ئوتتۇرىغا چىقىپ، چىن خۇڭجى باشچىلىقىدىكى مۇستەقىللىك پارتىيىسىنىڭ ئىچكى كابىنېتىنى تەشكىللىگەن. ياپونىيە ئەلچىسى ئوشماكېيسۇكېنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە چاۋشيەننىڭ ئىچكى سىياسىتىنى «ئىسلاھ»قىلغان. يېڭىدىن «مىلىتارىست مەخپىي ئىشلار باشقارمىسى»قۇرۇلۇپ، سىياسەت بەلگىلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى ئورگان قىلىپ بېكىتىلگەن، بارلىق چوڭ ئىشلار شۇ ئورگاننىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغان. كەينىدىنلا ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىپ، كېڭەش ھۆكۈمىتى ئىچكى كابىنېتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورگىنى قىلغان. ئىچكى كابىنېت باشلىقى باش مىنىستىر — ۋەزىر دەپ ئاتىلىپ، ئۇنىڭ ئاستىدا سەككىز يامۇل تەسىس قىلىنىپ، ئايرىم-ئايرىم ئىچكى ئىشلار، تاشقى ئىشلار، ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرغان. بۇ ئورۇنلارغا ياپونپەرەس تۆرىلەر قويۇلغان. ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا شۇ يىلنىڭ ئاخىرى پادىشاھ خان جەمەتى ئىبادەتخانىسىدا تاۋاپ قىلىپ، دۆلەت سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا قەسەم قىلغان، ئىسلاھات مەزمۇنىنى چۈشەندۈرىدىغان «خۇڭفەن 14 ماددىسى»نى ئوتتۇرىغا قويغان. كېيىن روسىيە، گېرمانىيە، فرانسىيىلەرنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ياپونىيە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، بۇ ئىش ئاخىرى بەربات بولغان.

جيەنجېن

  • جيەنجېن[يەشمىسى:]688 — 763) جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسىدىكى چوڭ راھىب، ياپونىيىگە بارغاندىن كېيىن ياپونىيە لۈيزوڭ مەزھىپىنىڭ پېشۋاسىغا ئايلانغان. ئەسلى فامىلىسى چۈنيۇي بولۇپ، ياڭجۇنىڭ جياڭياڭ ناھىيىسى (ھازىرقى جياڭسۇنىڭ ياڭجۇ شەھىرى)دە تۇغۇلغان. 14 يېشىدا دايونسى ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ بۇتقا تاۋاپ قىلغان، 16 يېشىدا ئائىلىسىدىن ئايرىلغان. مىلادى 708-يىلى چاڭئەنگە كېلىپ، شىجىسى ئىبادەتخانىسىدا راھىب بولغان. كېيىن ئۈچ نومنى ئومۇميۈزلۈك تەتقىق قىلىپ، ۋىنايا ئىلمىنى مەخسۇس ئۆگەنگەن. 742-يىلى (تاڭ سۇلالىسى تيەنباۋنىڭ 1-يىلى، ياپونىيە تيەنپىڭنىڭ 14-يىلى) ياپونىيىلىك تالىپلاردىن رۇڭروڭ، پۇجاۋلار ياڭجۇ دامىڭسى ئىبادەتخانىسىغا كېلىپ، جيەنجىننى ياپونىيىگە بېرىپ، بۇددا تەلىماتىنى تارقىتىشقا تەكلىپ قىلغان. 743-يىلدىن باشلاپ دېڭىزدىن بەش قېتىم ئۆتمەكچى بولۇپ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. 753-يىلى (تاڭ سۇلالىسى تيەنباۋنىڭ 12-يىلى، ياپونىيە تيەنپىڭ شېڭباۋنىڭ 5-يىلى) 10-ئايدا، ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالسىمۇ فاجىن، يۇنجىڭ، سىتو، نىجژشۇ قاتارلىق راھىبلار بىلەن بىرلىكتە، تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن مۇئاۋىن ئەلچى ئوتومۇغا ھەمراھ بولۇپ، ياپونىيىگە بېرىشنىڭ 6-قېتىملىق دېڭىز سەپىرىگە ئاتلانغان؛ ئىككىنچى يىلى 1-ئايدا ساتسۇما (ھازىرقى كاجىما ناھىيىسى) نىڭ ئاكىيۇرا دېگەن جايىغا يېتىپ كەلگەن. ئۇ نۇرغۇنلىغان سارىدا، بۇت، نوم، بۇددا دىنى سايمانلىرى ۋە دورىلارنى ئېلىپ كەلگەن. ئىككىنچى يىلى دوڭ داسى ئىبادەتخانىسىدا پەرھىز سۇپىسى ياساتقان، شاھىنشاھ شېنۋۇ، تېننو، شياۋچيەن قاتارلىقلار بۇ يەرگە كېلىپ پەرھىز تۇتۇپ، ياپونىيە بۇددا دىنى مۇرىتلىرىنىڭ سۇپىغا چىقىپ پەرھىز تۇتۇشىنى باشلاپ بەرگەن. 759-يىلى (ياپونىيە تيەنپىڭ باۋزىنىڭ 3-يىلى، تاڭ سۇلالىسى گەنيۇەننىڭ 2-يىلى) تاڭجاۋتىسى ئىبادەتخانىسىنى سالدۇرۇپ، ۋىنايا مەزھىپىنى تارقاتقان. 763-يىلى (ياپونىيە تيەنپىڭ باۋزىنىڭ 7-يىلى، تاڭ سۇلالىسى گۇاڭدېنىڭ 1-يىلى) ئۆلگەن. ياپونىيىدە ياشىغان ئون يىل ئىچىدە، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تارقىتىشتا زور تۆھپە ياراتقان. ئۇنىڭ شاگىرتى رېخې قۇرۇق سىر بىلەن سۈرىتىنى سىزدۇرۇپ، تاڭجاۋتىسى ئىبادەتخانىسىغا قويغان؛ بۇ سۈرەت 1980-يىلى 4-ئايدا جۇڭگوغا كەلتۈرۈلۈپ، ياڭجۇ، بېيجىڭلاردا كۆرگەزمە قىلىنغان.

جيۇخۇ تەيزى (ئۇماياتوشى دايگو)

  • جيۇخۇ تەيزى (ئۇماياتوشى دايگو)[يەشمىسى:] «ساتورا ئاتسۇ»غا قاراڭ.