ق🔗

ق

قاپارتما سۈرەت

قاجار خاندانلىقى

قاچقۇن قۇللار پەرمانى

قارا ئات

قارا ئەجدىھا سۈلۈكى

قارا بۈركۈت ئۇرۇشى

قارا جۈمە

قارا چارشەنبە

قارا دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى

قاراسۇق مەدەنىيىتى

قاراغان خاندانلىقى

قارا قوللار پارتىيىسى

قارا قوي سۇلالىسى

قارا كۆڭلەكلىكلەر پارتىيىسى

قارا كېمە ۋەقەسى

قارا گېئورگې

قارا گېئورگېۋىچ خاندانلىقى

قارا مانلى خاندانلىقى

قارا يەكتەكلىك ئەرەبلەر

قارۇشت-ى يېزىقى

قارا-كۆكلەر ئىتتىپاقى

قازان خانلىقى

قازانخان

قازغۇچىلار

قالدۇق پارلامېنت

قالقان پۇلى

قانداش تۇغقانلارنىڭ قىساس ئېلىشى

قانداشلار نىكاھلانغان جەمەت

قانداش ئۇرۇقنىڭ قىساس ئېلىشى

قانلىق سوت

قانلىق قانۇن ⅩⅤ

قانلىق ھەپتە

قانلىق ئىتتىپاق ۋەقەسى

قانلىق يەكشەنبە

قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى

قانۇنچىلىق تارىخشۇناسلىقى

قانۇنغا يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتى

قانۇنلار توپلىمى

قانۇنىي ماركسىزم

قاھىرە خىتابنامىسى

قاھىرە يىغىنى

قائىدە-يوسۇن مۇنازىرىسى

قايتا چوقۇنۇش تەرەپدارلىرى

قەبىلە

قەبىلە يىغىنى

قەبىلىلەر ئازادلىق ئىتتىپاقى

قەبىلىلەرنىڭ كۆچۈشى

قەبىلىلەر ئىتتىپاقى

قەدىمكى پۇل ئىلمى

قەدىمكى دەۋر

قەدىمكى قەبرە مەدەنىيىتى

قەدىمكى قۇلۇلە شەھىرى

قەدىمكى كىشىلەر

قەدىمكى ئىشلار خاتىرىسى

قەدىمكى يەر ماگىنتىزمنى دەۋرگە بۆلۈش

قەسەم بېرىپ شاھىد بولۇش قانۇنى

قەرزدار قۇل تۈزۈمى

قەرزگە ئىشلەپ بېرىش تۈزۈمى

قەلئە Acropolis

قەندىھارا

قەندىھارا سەنئىتى

قەھرىمانلىق دەۋرى

قەھرىمان ۋە قەھرىمانغا چوقۇنۇش

قوۋم

قوۋم سىرتىدا نىكاھلىنىش

قوۋم ئىچىدە نىكاھلىنىش

قوبراق

قودراباس

قورامىغا يېتىش مۇراسىمى

قورۇق

قورۇق بېگى

قوش بەگلىكى

قوش كېمىلىك ئەترەت تۈزۈمى

قوشما شتات تۈزۈمىنى كۆزلىگۈچىلەر جەمئىيىتى

قوشما شتات ساداقەتلىك قانۇنى

قوشما شتاتلار پارتىيىسى

قوشنىلار كېپىللىك تۈزۈمى

قوشۇمچە ياردەم فوندى شەرتنامىسى

قوش ئىشغالىيەت رايون

قوغدالغۇچىلار

قوغلاپ چىقىرىش قانۇنى

قولدىن كەتكەن زېمىننى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى

قۇتەيبە

قۇتقۇزغۇچى ھەرىكىتى

قۇتلۇق يىگىتلەر

قۇرئان

قۇسەي

قۇللار ئاساسىي قانۇنى

قۇللار دېڭىزى قىرغىقى

قۇللار سۇلالىسى

قۇللارنى قويۇپ بېرىش

قۇلۇلە قېپى ئارقىلىق سۈرگۈن قىلىش قانۇنى

قۇلۇلە قېپى دۆۋىلىرى

قۇياش تەڭرىسى (ئاپوللون) ھەيكىلى

قىپچاق خانلىقى

قىرىم باياناتى

قىرىم خانلىقى

قىرىم ئۇرۇشى

قىرىم يىغىنى

قىزلىقىنى ئېلىش ھوقۇقى

قىزىتىلغان راتسىيىگە قاراپ دەۋرگە ھۆكۈم قىلىش

قىزىلبايراق ۋەقەسى

قىزىل تاشلىق خىتابنامە

قىزىل تونلۇق ئېپسكوپ

قىزىل تۇپراق ئەل

قىزىل جەڭچىلەر ئىتتىپاقى

قىزىل جۈمە

قىزىل رور قوشۇنى

قىزىل كۆڭلەكلىكلەر پارتىيىسى

قىزىلكۆڭلەكلىكلەر قوشۇنى

قىزىل گۋاردىيە

قىزىل لايىھە

قىزىل مىس دەۋرى

قىزىل ئېقىن ۋەقەسى

قىزىل ئىشتانلىق قوشۇن قوزغىلىڭى

قىساس كومىتېتى

قىسقا چاچلىقلار

قىسقا چاچلىقلار ھەرىكىتى

قىسقا مەزگىللىك پارلامېنت

قىشلىق ساراي

قىلىچ پەرمانى

قىلىچ بىلەن ئايرىلغان يەر

قىيا تاش رەسىملىرى

قىيامەتلىك ھۆكۈمنامە

ئىزاھى

قاپارتما سۈرەت

  • قاپارتما سۈرەت[يەشمىسى:]» ياپونىيىنىڭ ئېدو دەۋرىدىكى خەلق ئارىسىدا شەكىللەنگەن سۈرەت. ئەڭ دەسلەپ ھېكايىلەرنىڭ قىستۇرما سۈرىتى بولۇپ، ياغاچقا ئويۇلغان، كېيىن ئاددىي خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سۈرەتكە ئايلىنىپ، مەنزىرىلەر، ئۆرپ-ئادەتلەر، ئادەملەر، تىياتىرلار ۋە تارىخىي ھېكايىلەر تەسۋىرلەنگەن، ئۇنى سودىگەرلەر ۋە باشقا ئوتتۇرا، تۆۋەن قاتلامدىكىلەر ياقتۇرغان، بۇنداق سۈرەتلەر ئويما رەسىم قىلىپ ئويۇلۇپ، قارا ياكى قىزىل رەڭلىكتىن خىلمۇخىل رەڭلىككە ئايلاندۇرۇلغان، بەزىلىرى نەچچە ئون پارچىسى چېتىلىپ، چوڭ بىر توپلامنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنداق سۈرەتچىلىككە خىشىكاۋا مورونوبو (1618 — 1694) ئاساس سالغان، بۇ ئېقىمدىكى داڭلىق رەسساملاردىن تورىئى، سۇزۇكى، كىتاۋا، توسۇ قاتارلى-قلار بار.

قاجار خاندانلىقى

  • قاجار خاندانلىقى[يەشمىسى:]» 1796 — 1925-يىللىرى ئىرانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان خاندانلىق. قاجار (Qajar) قەبىلىسىدىن بولغان ئاغا مۇھەممەد زەند خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ قۇرغان. پايتەختى تېھران. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئىچكى جەھەتتە ئىككە قېتىم ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنى قۇل قىلغان ۋە ئەزگەن. باب مۇرىتلىرى قوزغىلىڭى (1848 — 1852) نى رەھىمسىزلەرچە باستۇرغان. سىرتقى جەھەتتە، روسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشى (1804 — 1813، 1826 — 1828) ۋە ئەنگلىيە-پېرسىيە ئۇرۇشى (1856 — 1857) دىن كېيىن، روسىيە-ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا تىز پۈكۈپ، ئىراننى يېرىم مۇستەملىكە ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان. خاندانلىقتا جەمئىي يەتتە خان ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئورنىنى 1925-يىلى پەھلىۋىلەر خاندانلىقى ئىگىلىگەن.

قاچقۇن قۇللار پەرمانى

  • قاچقۇن قۇللار پەرمانى[يەشمىسى:]» ئامېرىكا «1850-يىلىدىكى مۇرەسسەلىشىش لايىھىسى» دىكى مەزمۇنلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭدا: ھۆكۈمەت ئۈنۈملۈك قانۇن ئارقىلىق قۇلدارلارنىڭ قاچقۇن قۇللارنى تۇتۇۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە ياردەم قىلىدۇ؛ نېگىر قۇللار قۇللار شتاتىدىن قېچىپ ئەركىن شتاتلاردا ئولتۇراقلىشىپ قالسىمۇ، ئەركىن پۇقرا بولالمايدۇ؛ ھەرقايسى جايلاردىكى سوت ئورۇنلىرى قاچقۇن قۇللارنى تۇتۇش ھەمدە ئۇلارنى ئۆز قۇلدارلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىش مەسئۇلىيىتى بار، دەپ بەلگىلەنگەن. مانا بۇ ھال ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە قۇلدارلارنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

قارا ئات

  • قارا ئات[يەشمىسى:]»ئەسلىدە بەيگە مەيدانىدا قوللىنىلىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، بۇرۇن داڭقى چىقمىغان، ئەمما تاسادىپىي ئۈزۈپ چىققان ئاتنى كۆرسەتكەن. كېيىن ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئىككى نامزات تىركىشىپ قېلىپ، قاتمال ۋەزىيەت شەكىللەنگەندە پارتىيە قۇرۇلتىيى قوبۇل قىلالايدىغان باشقا بىر نامزاتنى كۆرسىتىدىغان بولغان. مەسىلەن: 1844-يىلى دېموكراتلار پارتىيىسىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭ پۇلك، 1920-يىلى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭ خاردىنگ قاتارلىقلار «قارا ئات» زۇڭتۇڭ دەپ ئاتالغان.

قارا ئەجدىھا سۈلۈكى

  • قارا ئەجدىھا سۈلۈكى[يەشمىسى:]» ياپونىيىدىكى ئوڭ قانات تەشكىلات. 1901-يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ كاتتىبېشى ئۇچىدا، مەسلىھەتچىسى توشەنمەن. ئاساسىي ئەزالىرى جۇڭگودا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپون چوڭ قۇرۇقلۇق سەرگەردانلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ تەشكىلات چوڭ ئاسىياچىلىقنى داڭلاپ، جۇڭگونىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقىنى بېسىۋېلىشقا قۇتراتقاچقا، خېيلۇڭجياڭ دېگەن سۆزدىكى «قارا ئەجدىھا» دېگەن ئىككى سۆزنى تەشكىلات نامى قىلغان. ئۇ مەملىكەت ئىچىدە ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان، سىرتقا قارىتا ھۆكۈمەتنىڭ جۇڭگو ۋە چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىشىنى قوللىغان ھەمدە جاسۇسلۇق، ئىشپىيونلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. 1931-يىلى باشقا ئەكسىيەتچى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ، فاشىستىك پارتىيە «بۈيۈك ياپونىيە ئىشلەپچىقىرىش پارتىيىسى» نى تەشكىل قىلغان. 1946-يىلى تارقىتىۋېتىلگەن.

قارا بۈركۈت ئۇرۇشى

  • قارا بۈركۈت ئۇرۇشى[يەشمىسى:]»1832-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ئىللىنويس (Illinois) شتاتىدا ئولتۇراقلاشقان ئىندىئانلارنىڭ قەبىلە باشلىقى قارا بۈركۈت (Black Hawk، 1767 — 1838)رەھبەرلىك قىلغان سوك قەبىلىسى ۋە فوكس قەبىلىسى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. 1831-يىلى زور بىر تۈركۈم ئاق تەنلىك كۆچمەنلەر بۇ ئىككى قەبىلە ئولتۇراقلاشقان مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى جايلارنى تارتىۋېلىپ، قارا بۈركۈت قەبىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ دەريانىڭ غەربىگە يەنى ھازىرقى ئايۇۋا شتاتىغا كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان. 1832-يىلى قارا بۈركۈت بىرقانچە يۈز ئادەمنى باشلاپ دەريانىڭ شەرقىگە قايتىپ كېلىپ، ھازىرقى ۋىسكونىسن شتاتىدا ئولتۇراقلاشقان ۋىنبىگ قەبىلىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئىللىنويىستا قوناق تېرىماقچى بولغاندا، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. قارا بۈركۈت بەختكە قارشى ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان. شۇ يىلى 8-ئايدا، ئۇنىڭ قالغان ئادەملىرى ۋىسكونىسىنغا چېكىنگەن. 9-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سوكلار بىلەن فوكسلارنى شەرتنامە ئىمزالاپ ئايۇۋانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلاردىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان، شۇنداقلا ۋېنبىگلارنىمۇ ۋىسكونىسىندىكى يەرلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان شەرتنامىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان.

قارا جۈمە

  • قارا جۈمە[يەشمىسى:]» 1921-يىل 4-ئاينىڭ 15-كۈنى (جۈمە)، يەنى ئەنگلىيىنىڭ ھازىرقى زامان ئىشچىلار ھەرىكىتى ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان كۈننى كۆرسىتىدۇ. 1920-يىلى 7-ئايدا، ئەنگلىيىدىكى ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان كان ئىشچىلىرى ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش ۋە كۆمۈر باھاسىنى چۈشۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىش تاشلاش قارارىنى ماقۇللىغان ۋە ئۈچ بۇرجەكلىك ئىتتىپاققا قاتناشقان تۆمۈريول ئىشچىلىرى ۋە ترانسپورت ئىشچىلىرىنىڭ ئاۋاز قوشۇشىنى مۇراجىئەت قىلغان ھەمدە 11-ئايدا ئىش تاشلىغان. 1921-يىل 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەنگلىيە دائىرىلىرى ئۇرۇش ۋاقتىدا يولغا قويۇلغان دۆلەتنىڭ كۆمۈر سانائىتىگە نازارەت قىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1921-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنى كان خوجايىنلىرى ئىتتىپاقى تىجارەتنى توختىتىپ، ئىشچىلارنى تۆۋەنلىتىلگەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى قوبۇل قىلىشقا قىستاپ، مىليونلىغان كان ئىشچىلىرىنى زىيانغا ئۇچراتقان. كان ئىشچىلىرى يەنە ترانسپورت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن تۆمۈريول ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان، ئەمما بۇ ئىككى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئەسلىدە مەدەت بېرىش ئىش تاشلىشى ئۆتكۈزۈش بەلگىلەنگەن 4-ئاينىڭ 15-كۈنى (جۈمە) دە ئىش تاشلاشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن كان ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى يېتىم ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ، كۈرەش مەغلۇپ بولغان. بۇ ۋەقە ئۈچ بۇرجەكلىك ئىتتىپاقنىڭ يىمىرىلىشىگە ئېلىپ بارغان.

قارا چارشەنبە

  • قارا چارشەنبە[يەشمىسى:]»فاشىست گېرمانىيىسى بەلگىلىگەن چېخوسلوۋاكىيىنىڭ «گودېسبېرگ مېموراندۇم» نى قوبۇل قىلىش قەرەلىنى كۆرسىتىدۇ. 1938-يىل 9-ئاينىڭ 25-كۈنى چېخوسلوۋاكىيە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى نەزەرگە ئېلىنمىغان «گودېسبېرگ مېموراندۇم» نى رەت قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىشكە تەييارلىق قىلغان، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىلەرمۇ قاتتىق پوزىتسىيە قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇپ، قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگلىيىنىڭ چىمبېرلىن ھۆكۈمىتى يەنە ۋەكىل ئەۋەتىپ، سودېت رايونىنى كېسىپ بېرىش سۆھبىتىنى داۋاملىق ئېلىپ بارغان. 9-ئاينىڭ 26-كۈنى گىتلېر چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتىگە ئولتىماتوم تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ 9-ئاينىڭ 28-كۈنى (چارشەنبە) چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن بۇرۇن مېموراندۇمنى قوبۇل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب بېرىشنى شەرت قىلغان ھەمدە ئارمىيىسىنى سەپەرۋەر قىلىپ چېخوسلوۋاكىيىگە باستۇرۇپ كىرىشكە تەييارلانغان. كېيىن ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە مۇرەسسەلىشىش پوزىتسىيىسىنى قوللانغانلىقتىن، گىتلېر شۇ كۈنى سائەت 2 گە بىرقانچە مىنۇت قالغاندا ئەنگلىيە فرانسىيە ۋە ئىتالىيىلەرگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئەتىسى ميونخېندا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلغان. چېخوسلوۋاكىيە ئاخىرى پارچىلىۋېتىلگەن. «ميونخېن كېلىشىمى» گە قاراڭ.

قارا دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى

  • قارا دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى[يەشمىسى:]»گېرمانىيىنىڭ ۋېمار (Weimar) جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدىكى مەخپىي ھەربىي تەشكىلات. ۋېمار جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي دائىرىلىرى «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى» نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، «ئەمگەك زەربىدارلار ئەترىتى» دېگەن نام ئاستىدا پىدائىي ھەربىي خادىملارنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى ئۈچۈن مەخپىي زاپاس خادىملارنى ھازىرلىغان. بۇ زاپاس قىسىم قارا دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى دەپ ئاتىلىپ، ئادەم سانى تەخمىنەن 20 مىڭغا يەتكەن، ئۇنىڭغا مايور بۇخرۇككېر (Buchrucker) باشچىلىق قىغان. بۇ قوشۇن دۆلەت ئىچىدە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1920 — 1923-يىللاردا شەرقىي چېگرىدا تۇرۇپ، پولشادىن مۇداپىئەلىنىشكە ياردەملەشكەن.1923-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا ھۆكۈمەتكە قارشى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن تارقىلىپ كەتكەن.

قاراسۇق مەدەنىيىتى

  • قاراسۇق مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]»سوۋېت ئىتتىپاقى سىبىرىيىنىڭ جەنۇبىدىكى برونزا دەۋرى مەدەنىيىتى. ئەڭ دەسلەپ مىنوشنىسىك يېنىدىكى قارا سۇق (Карасук) دەرياسى بويىدا تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ مەدەنىيەتنىڭ دەۋرى مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئاخىرى، 1000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆپىنچە قەبرىلەر قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپى يەر يۈزىگە تىك قويۇپ قوپۇرۇلغان يالپاق تاشلاردىن ياسالغان تۆت بۇلۇڭلۇق تاملار بىلەن ئورالغان. گۆرلەرنىڭ ئىچكى تاملىرى قۇمساڭغۇ يالپاق تاشلار بىلەن ياسالغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈۋرۈكسىمان تاش ئويمىلار بار بولۇپ، تۈۋرۈكلەرنىڭ باش قىسمىغا قوچقار بېشى، ئادەم يۈزى ياكى سىزمىلاشتۇرۇلغان ھايۋان ئوبرازلىرى ئويۇلغان. ئىگىلىكى چارۋىچىلىق، ئاساسلىقى قويچىلىق بولغان. پاترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىگە مەنسۇپ. بۇنىڭ تىپىك قوراللىرى ئەگرى ساپلىق برونزا پىچاق، يايسىمان مىس قوراللاردىن ئىبارەت. بۇ مەدەنىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ شاڭ، جۇ دەۋرلىرى بىلەن باغلىنىشلىقى بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.

قاراغان خاندانلىقى

  • قاراغان خاندانلىقى[يەشمىسى:]»(Plantagenets) ئانجۇ خاندانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەنگلىيىنىڭ فېئودال خاندانلىقى (1154 — 1399). 1154-يىلى ئەنگلىيە كورۇلى سىتپان ئۆلگەن. فرانسىيىنىڭ ئانجۇ گرافى ھېنرى ئەنگلىيە كۇرۇلى ھېنرى Ⅰ نىڭ جىيەنى سالاھىيىتى بىلەن تەختكە ئولتۇرۇپ ھېنرى Ⅱ دەپ ئاتىلىپ قاراغان خاندانلىقىنى (ئۇنىڭ دادىسى گوففېرى شىلەپىسىگە قاراغان پېيى قىستۇرۇۋالغاچقا شۇ نام بېرىلگەن). مەزكۇر خاندانلىق فېئودال ۋارىسلىق مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن، ئەنگلىيىدىن باشقا، يەنە فرانسىيىدىمۇ كەڭرى يەرنى ئىگىلىۋالغان. ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە ئەدلىيە، ھەربىي جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بارغان، شەھەر ئاھالىسى ۋە رىتسارلارغا تايىنىپ مۇنارخىيىلىك ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەپ، فېئودال تەبىقىلىك مۇنارخىيىلىك تۈزۈمنى شەكىللەندۈرگەن؛ شوتلاندىيە ۋە ئىرلاندىيىگە قوشۇن تارتىپ يۈز يىللىق ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ 1381-يىلى ۋات تەيلېر قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1399-يىلى 9-ئايدا، رىچارد Ⅱ تەختتىن چۈشۈپ، ئورنىنى لانكاستې خاندانلىقى باسقان. ھەرقايسى كورۇللار ۋە ئۇلارنىڭ تەختكە ئولتۇرغان يىللىرى: ھېنرى Ⅱ (1154 — 1189)، رىچارد Ⅰ (شىر يۈرەك، 1189—1199)، جون (يەرسىز 1199 — 1216)، ھېنرى )Ⅲ1216 — 1272(، ئېدۋارد Ⅰ (1272 — 1307)، ئېدۋاردⅡ (Edward Ⅱ 1307 — 1327)، ئېدۋارد Ⅲ (1327 — 1377)، رىچارد Ⅱ (1377 — 1399).

قارا قوللار پارتىيىسى

  • قارا قوللار پارتىيىسى[يەشمىسى:]»سېربىيىدىكى مەخپىي مىللەتچى تېررورلۇق تەشكىلات. 1903-يىلى سېربىيە رادىكاللار پارتىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن قۇرۇلغان، ئەزالىرىنىڭ تولىسى ئوفىتسېرلار. تەشكىلات نىزامنامىسىدە «بىرلىككە كېلەلمىگىچە ئۆلگەن ياخشىراق» شوئار قىلىنغان. ئادەتتە قارا قوللار پارتىيىسى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ مەقسىتى «مىللىي غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بارلىق سېرب مىللىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» ئىدى. تېررورلۇق ھەرىكىتىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان، تەشكىلىي سىستېمىسى مۇتلەق مەخپىي ساقلانغان. تەشكىلات رەھبىرى سېربىيە شتابىنىڭ ئاخبارات مۇدىرى پولكوۋنىك راگودىن دمېترىيىۋىچ، ئاساسىي ياردەمچىسى مايور فۇيا كېشكى. بۇ پارتىيە «پارتىزان» مەكتىپىنى قۇرۇپ، بېلگرادتىكى بوسنىيە مۇھاجىرلىرىنى تەربىيىلىگەن. 1912 — 1913-يىللاردىكى بالقان ئۇرۇشىدىن كېيىن، بوسنىيە گېرىتسېگوۋىنا (Bosnai Hercegovina) رايونىدا قارا قوللار پارتىيىسى نامى بىلەن ئۆز پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. 1914-يىلى 6-ئايدا، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تەخت ۋارىسى كىنەز فرانز فېردىناند سارايېۋودا بۇ پارتىيىگە قاراشلىق «ياش بوسنىيىلىكلەر» گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى تەرىپىدىن قەتل قىلىنىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا ئېلىپ بارغان.

قارا قوي سۇلالىسى

  • قارا قوي سۇلالىسى[يەشمىسى:]»ئىراننىڭ غەربىي قىسمىدىكى فېئودال سۇلالە. تۈركمەن كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىسى قۇرغان. ئۇنىڭ بايرىقىغاقاراقوي(تۈركچە Kara koyunlu) نىڭ رەسىمى سىزىلغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. قارا قوي تۈركمەنلىرى ئەسلىدە ۋان كۆلىنىڭ شەرقىدىكى جايلارغا ئولتۇراقلاشقان. 1410-يىلى ئەزەربەيجاننىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئەرمىنىيە، كوردىستان ۋە ئىراقلارنى تارتىۋالغان. تەبرىزنى پايتەخت قىلغان. ئۇلار ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلاتتى. شەرقتە تېمور ئىمپېرىيىسى بىلەن سوقۇشۇپ، 1435-يىلى شاھروھ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان. كېيىن تېمور ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىراننىڭ غەربىي قىسمىنى تارتىۋالغان. 1468-يىلى ئاق قوي سۇلالىسى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغن

قارا كۆڭلەكلىكلەر پارتىيىسى

  • قارا كۆڭلەكلىكلەر پارتىيىسى[يەشمىسى:]» يەنى «فاشىستىك پارتىيە» (1).

قارا كېمە ۋەقەسى

  • قارا كېمە ۋەقەسى[يەشمىسى:]»يەنى «پېررنىڭ دەرۋازىنى قېقىشى».

قارا گېئورگې

  • قارا گېئورگې[يەشمىسى:]»(Kara George، 1760 — 1817) سېربىيە خەلقىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى 1804—1813-يىللىرى ئېلىپ بارغان مىللىي قوزغىلىڭىنىڭ باشلىقى. ئەسلى ئىسمى گېئورگې پېتروۋىچ (George Petrovic). سېربىيە پىدائىي قىسىملىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، 1781 — 1788-يىللىرىدىكى ئاۋسترىيىنىڭ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1804-يىلى تۈركىيە گۋاردىيىسىگە قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئالىي ئاتامان قىلىپ سايلانغان. 1805-يىلى 4-ئايدا مىللىي پارلامېنت يىغىنى چاقىرىپ، كونستانتىنوپول تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن يەرلىك ئاپتونومىيە تەلەپ قىلغان. بۇ تەلەپ سۇلتان تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1808-يىلدىكى ھۆكۈمەت يىغىنىدا ۋە 1811-يىلدىكى قوزغىلاڭچىلار يىغىنىدا ئۇ سېربىيىنىڭ ئۆمۈرۋايەتلىك ئەڭ ئالىي يولباشچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. تاشقى سىياسەت جەھەتتە روسىيىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرگەن. كېيىن قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئىچكى جېدىلى سەۋەبىدىن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. 1813-يىلى 10-ئايدا ئاز ساندىكى قىسىملىرىنى باشلاپ دۇناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ ۋېنگرىيىگە كىرگەن. ئۇ يەردە ئاۋسترىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنغان. 1814-يىلى روسىيىگە بارغان. 1817-يىلى 6-ئايدا سېربىيىگە يوشۇرۇنچە قايتىپ كەلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

قارا گېئورگېۋىچ خاندانلىقى

  • قارا گېئورگېۋىچ خاندانلىقى[يەشمىسى:]» سېربىيە ۋە يۇگوسلاۋىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان خاندانلىق. قارا گېئورگې قۇرغان. ئۇنىڭ ئەۋلادى ئالېكساندر 1842-يىلى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئوبرېنوۋىچ خاندانلىقىنىڭ كىنەزى مىخائىلنى ئاغدۇرۇپ كىنەز بولۇپ سايلانغان. 1858-يىلى كىنەزلىكتىن ئېلىپ تاشلانغان. ئۇنىڭ ئوغلى پېتېر (Peter Karageorgevic) 1903-يىلى كورۇل ئالېكساندر Ⅰ ئوبرېنوۋىچ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن سېربىيە پادىشاھلىق تەختىنى قوبۇل قىلغان. 1918-يىلى سېربىيە-كرودىيە-سىلوۋېنىيە پادىشاھلىقىنىڭ كورۇلى بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى ئالېكساندر(Alexander I Karageorgevic،1888—1934). 1914-يىلى باش نائىب قىلىپ بەلگىلەنگەن. 1921-يىلى پېتېرنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1729-يىلى يۇگوسلاۋىيىدە فاشىستىك ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەن. ئالېكساندر 1934-يىلى فرانسىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا سۇيىقەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ياش پېتېر Ⅱ (PeterⅡ Karageorgevic، 1923 — 1970) پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. 1941-يىلى گېرمانىيە-ئىتالىيە فاشىستلىرى يۇگوسلاۋىيىنى بېسىۋالغاندا، خان جەمەتى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1945-يىلى 11- ئايدا يۇگوسلاۋىيە فاشىزمغا قارشى خەلق ئازادلىق فرونتىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنىدا پادىشاھلىق تۈزۈمىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى جاكارلانغان. شۇنىڭ بىلەن خاندانلىق ئاخىرلاشقان.

قارا مانلى خاندانلىقى

  • قارا مانلى خاندانلىقى[يەشمىسى:]» لىۋىيىدە 1711 — 1835-يىللىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان فېئودال خاندانلىق قۇرغۇچىسى قارامانلى ئەھمەد (Karamanli Ahmed) بولۇپ، پايتەختى توسپۇلى، ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە قارام بولغان. فېئودال ھۆكۈمران سىنىپ ۋەكىللىرىدىن دۆلەت ئىشلىرى يىغىنى تەشكىل قىلىنغان، قارا مانلى جەمەتىدىن ھۆكۈمدار سايلىنىپ، سۇلتان تەرىپىدىن پادىشاھلىققا تەيىنلەنگەن. ئوسمان ئىمپېرىيىسى 1835-يىلى لىبىيىگە ئەسكەر چىقىرىپ، بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

قارا يەكتەكلىك ئەرەبلەر

  • قارا يەكتەكلىك ئەرەبلەر[يەشمىسى:]» جۇڭگونىڭ تارىخ كىتابلىرىدا ئەرەب ئىمپېرىيىسى — ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاتىلىشى. بايرىقى قارا رەڭلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق ئاتالغان. غەربنىڭ تارىخىي ھۈججەتلىرىدە شەرقىي ساكسون ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

قارۇشت-ى يېزىقى

  • قارۇشت-ى يېزىقى[يەشمىسى:]»(Кhаrоshti)قەدىمكى زاماندىكى ھىندىستاننىڭ بىرخىل يېزىقى. ئوڭدىن سولغا قاراپ توغرىسىغا يېزىلىدۇ. بۇ سەمېت (سام) تىل سىستېمىسىنىڭ ئارامئانىلار يېزىقى سىستېمىسىغا كىرىدۇ. بۇ يېزىق مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردىن مىلادى Ⅲ ئەسىرگىچە ھىندىستان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالى قىسمىدا كەڭ قوللىنىلغان. پىشاۋۇر (پاكىستان تەۋەسىدە) ئەتراپىدىن تېپىلغان، پادىشاھ ئاسۇكا دەۋرىدىكى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىر) ئويما يېزىق يادىكارلىقى، ئاساسەن مۇشۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان. مىلادى Ⅴ — Ⅳ ئەسىرلەرگە كەلگەندە سانسكرىت يېزىقىنىڭ چەتكە قېقىشى بىلەن بۇ يېزىق پەيدىنپەي يوقالغان.

قارا-كۆكلەر ئىتتىپاقى

  • قارا-كۆكلەر ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]»1909-يىلى گېرمانىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بىلەن كاتولىك دىنى مەركىزىي پارتىيىسى پارلامېنتتا تەشكىللىگەن ئەكسىيەتچىل ئىتتىپاق. مەركىزىي پارتىيە مىسسىئونېرلىرى قارا ئۇزۇن تون كىيىدىغانلىقى، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قېنى «كۆك رەڭلىك» بولغانلىقىغا قاراپ، مۇشۇنداق ئاتالغان.1908-يىلى، بيۇلوۋ ھۆكۈمىتىنىڭ غايەت زور ھەربىي خىراجەت چىقىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان دۆلەت خامچوت قىزىل رەقىمى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويغان مالىيەنى ئىسلاھ قىلىپ مىراس بېجى ئېلىشنى قانۇن لايىھىسى يۇنكېر پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1909-يىلى 6-ئايدا، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بىلەن مەركىزىي پارتىيە ئىتتىپاق تۈزۈپ، پارلامېنتتا مىراس بېجى توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسىنى ئىنكار قىلىپ، بيۇلوۋ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ئىتتىپاق بېتمانن-خوللۋېگنىڭ باش ۋەزىر بولۇشىنى كۈچىنىڭ بارىچە قوللىغان، بارلىق ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارغا قارشى تۇرغان.

قازان خانلىقى

  • قازان خانلىقى[يەشمىسى:]» تاتارلار قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىغا جايلاشقان. ئەسلى قىپچاق دۆلىتىگە قاراشلىق يەر. 1438-يىلى قىپچاق دۆلىتىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان ۋە قازان (Kazan) نى پايتەخت قىلغان. بۇ شەھەر روسىيىنىڭ شەرق ۋە جەنۇبقا بارىدىغان قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، قول سانائەت ۋە سودا بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. دەسلەپكى مەزگىلىدە خانلىق قۇدرەت تېپىپ، 1445-يىلى موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان ۋە كىنەز ۋاسىلىي Ⅱ (ВасилийⅡ 1425 — 1462) نى ئەسىرگە ئالغان. 1469-يىلى موسكۋا كىنەزى ئېۋان Ⅲ قازاننى ئىشغال قىلغان. 1487-يىلى موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ قوشۇنى قازاننى يەنە بىر قېتىم ئىشغال قىلىپ، مۇھەممەد ئامىن (Muhammad Amin، ؟ — 1518) نى يۆلەپ، قورچاق قىلغان. 1504-يىلى ئامىن موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلغان ھەمدە موسكۋاغا ھۇجۇم قىلغان. ئامىن ئۆلگەندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىنى پاراكەندىچىلىك قاپلاپ، كۈچى ئاجىزلاشقان. 1552-يىلى روسىيە تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان.

قازانخان

  • قازانخان[يەشمىسى:]»(Ghazan Khan، 1271 — 1304) ئىلىكخانلىق ھۆكۈمرانى (1295 — 1304). ئارغۇن(Arghun، 1284—1291-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ چوڭ ئوغلى. ياش ۋاقتىدا خۇراساننىڭ باش ۋالىيسى بولغان، تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنى ئاقسۆڭەكلىرى ۋە ئاخۇنلارنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلەپ، ئۆزىنى سۇلتان دەپ ئاتىغان. 1298-يىلى راشىدىدىننى باش ۋەزىر قىلىپ تەيىنلەپ، ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. سۇ ئىنشائاتلىرى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغان، بوز يەر ئاچقان، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. باج نورمىسىنى بېكىتكەن. پايتەخت تەبرىزنىڭ يېنىغا رەسەتخانا سالغۇزغ-ان. 1299 — 1303-يىللىرى ئۈچ قېتىم سۈرىيىگە ئەسكەر كىرگۈزگەن، مىسىرنىڭ مەملۈكلەر خاندانلىقى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئاخىر مەغلۇپ بولغان.

قازغۇچىلار

  • قازغۇچىلار[يەشمىسى:]» «ھەقىقىي تەڭ تەقسىماتچىلار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅦ ئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە، يەرسىز ۋە يېرى ئاز دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان رادىكال مەزھەپ. يولباشچىسى ۋىنىستانلېي. ئىجتىمائىي سىياسىي باراۋەرلىك ۋە مال-مۈلۈك باراۋەرلىكىنى تەلەپ قىلغان. يەرگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكىنى بىكار قىلىش، يەرنى قايتىدىن پۇقرالارغا تەقسىم قىلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. ياللانما ئەمگەكسىز ئورتاق تېرىقچىلىق قىلىش يولى بىلەن بۇ مەقسەتكە يېتىشنى ئۈمىد قىلغان. 1649-يىل 4-ئاينىڭ 8-كۈنى قازغۇچىلارنىڭ بىرنەچچە ئەزاسى سېرراي ۋىلايىتىدىكى كوبىھام بازىرى ئەتراپىدىكى سېن گېئورگې ئىدىرلىقىدا توپا قازغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ نام بېرىلگەن. ھەرىكەتكە يېزىلاردىكى ئاددىي خەلق ئاۋاز قوشقان.1650-يىلى 3-ئايدا نوھامپۇدون ۋىلايىتى، كېنت ۋىلايىتى ۋە گلوستېر ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردىمۇ كوللېكتىپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىشى ئاندا-ساندا كۆرۈلگەن. بۇ ھەرىكەتلەر پومېشچىكلارنىڭ ئارىلىشىشى ۋە پارلامېنتنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، 1651-يىلى كرومۋېل ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. بۇ گۇرۇھ 1649 — 1650-يىللىرى ئارىلىقىدا بىر قاتار ھۈججەتلەرنى تارقاتقان، ئاساسلىقى 1649-يىلى 3-ئايدا نەشىر قىلىنغان «ئەنگلىيىدىكى ئېزىلگۈچى نامراتلار خىتابنامىسى» دېگەن كىتابچە. 1652-يىلى، ۋىنىستانلېي «جۇمھۇرىيەت سىياسىي تۈزۈلمىسى پروگراممىسى» دەپ ئاتىغان ھۈججەتتە قازغۇچىلارنىڭ ئوتۇپىك غايىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەسۋىرلەپ بەرگەن.

قالدۇق پارلامېنت

  • قالدۇق پارلامېنت[يەشمىسى:]»ئىمپېرىيە نائىب ھۆكۈمىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.1849-يىلى فرانكفورت گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ قىسمەن سولچىل پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن پارلامېنت. 1849-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرى پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرلىشى ئارقىسىدا فرانكفورت مىللىي پارلامېنتىدىكى مۇتەئەسسىپلەر بىلەن لىبېراللار پارلامېنتتىن چېكىنىپ چىققان، شۇنىڭ بىلەن، پارلامېنت پارچىلىنىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. 6-ئاينىڭ باشلىرى قىسمەن سولچىل پارلامېنت ئەزالىرى يىغىن ئورنىنى شتۇتگارتقا يۆتكەپ، كارل ۋوگت (Karl Vogt، 1811 — 1895) قاتارلىق بەش ئادەمدىن تەركىب تاپقان «ئىمپېرىيە نائىب ھۆكۈمىتى» نى سايلاپ چىقىپ، ئىمپېرىيە نائىبى كىنەز يوھان باشچىلىقىدىكى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ھەرقايسى شتاتلاردىكى ھۆكۈمرانلار رەت قىلىۋەتكەن ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى يولغا قويۇشقا ئۇرۇنغان. 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋۇرتتېمبېرگ پادىشاھلىقى ئارمىيىسى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن.

قالقان پۇلى

  • قالقان پۇلى[يەشمىسى:]» ھەربىي مەجبۇرىيەتنى كەچۈرۈم قىلىش بېجى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۈچۈن ئالغان باج، ھېنرى Ⅱ تەختكە چىققاندا (1154 — 1189) رىتسارلاردىن ئىگىلىگەن يېرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ باج ئېلىشنى يولغا قويغان، كورۇل بۇ باج ئارقىلىق ياللانما ئارمىيە ئېلىپ، ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە ۋاقىتلىق چاقىرىلىدىغان رىتسارلارنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. جون (يەرسىز شاھ) تەختكە چىققاندا، قالقان پۇلىنى كۆپ يىغقانلىقى، باج نورمىسىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆستۈرگەنلىكتىن رىتسارلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ⅩⅣ ئەسىرگە كەلگەندە، پارلامېنت پۇل ئاجرىتىپ ياللانما قوشۇن توپلاشقا ئۆزگەرتىلىپ، قالقان پۇلى يىغىشنى توختاتقان. ⅩⅦ ئەسىردە چارلېس Ⅱ تەختكە ئولتۇرغاندا رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. قالقان پۇلى يىغىش رىتسارلارنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مەجبۇرىيىتىدىن چەتلەپ كېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى مەخسۇس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېزا تۆرىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان، كېيىنكى چاغلاردا ئەنگلىيىدە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشى ئۈچۈن مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن. فرانسىيە-گېرمانىيىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش باجلارنى يىغقان.

قانداش تۇغقانلارنىڭ قىساس ئېلىشى

  • قانداش تۇغقانلارنىڭ قىساس ئېلىشى[يەشمىسى:]» «قانداش ئۇرۇقنىڭ قىساس ئېلىشى» دەپمۇ ئاتىلدۇ. ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدە ئۆلتۈرۈلگەن ياكى يارىلاندۇرۇلغان تۇغقانلار ئۈچۈن قىساس ئالىدىغان بىر خىل ئادەت. ئۇرۇق ئەزالىرى ئۇرۇق ۋە جەمەتنىڭ ھىمايىسىگە تايىنىش ھەمدە بىر ئۇرۇقنىڭ ئەزالىرى بىربىرىگە ھەمدەم بولۇش ۋە بىر-بىرىنى قوغداشتىن ئىبارەت مەجبۇرىيەتتىن كېلىپ چىققان. ئۇرۇق ئەزالىرىنى ئۆلتۈرۈش پۈتكۈل ئۇرۇق ۋە جەمەتكە زىيانكەشلىك قىلغانلىق ھېسابلىنىپ، ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئۇرۇقى قىساس ئېلىشنى يولغا قويغان. ئادەتتە، ئالدى بىلەن ياراشتۇرۇلۇپ، ۋەقە پەيدا قىلغۇچىنىڭ ئۇرۇقى سوۋغا تەقدىم قىلىش ياكى ئەپۇ سوراش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرەپتىن ئىشنىڭ تىنچلىق بىلەن ھەل بولۇشىنى سورايتتى؛ بەزىدە قېرىنداش ئۇرۇققا مۇراجىئەت قىلىپ ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلاتتى. ياراشتۇرۇشتىن ئۈنۈم كۆرۈلمىسە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرەپ ۋەقە پەيدا قىلغۇچىدىن مۇناسىپ ھالدا ئىنتىقام ئالاتتى، قارشى ئۇرۇق بۇنىڭدىن ئۆچ ئالسا بولمايتتى، مۇشۇنداق قىلىنمىسا، ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىدىن قىساس ئېلىشنىڭ ئايىغى چىقمايتتى؛ ھەتتا ئۇزاق دەۋرلەرگىچە ياراشتۇرغىلىمۇ بولمايتتى. دەسلەپكى سىنىپىي جەمئىيەتنىڭ قانۇنى (ئالايلۇق، «خاممورابى قانۇنى») دا بەلگىلىگەن «ئوخشاش قىساس ئېلىش» باشلانغۇچ دەۋردە مەۋجۇت بولغان قانداش تۇغقانلارنىڭ قىساس ئېلىشىنىڭ ئىنكاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى زاماندىكى ئارقىدا قالغان قەبىلىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئادەتلىرىدىمۇ دائىم قانداش تۇغقانلارنىڭ قىساس ئېلىشىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان.

قانداشلار نىكاھلانغان جەمەت

  • قانداشلار نىكاھلانغان جەمەت[يەشمىسى:]» قانداشلار نىكاھلىقىدىكى جەمەت دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى خىلدىكى نىكاھ ياكى جەمەت شەكلى، شۇنداقلا تۇنجى ئىجتىمائىي تەشكىل شەكلى (يەنى ئالدىنقى ئۇرۇقداشلىق جامائەسى). تەخمىنەن جاھالەت دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچى (كونا تاش قورال دەۋرى) غا توغرا كېلىدۇ. بىر تۇغقان ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارنىڭ ياكى بىر نەۋرە ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارنىڭ نىكاھلىنىشىغا چەك قويماسلىق؛ قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان بىۋاسىتە تۇغقان ۋە شىرەم تۇغقان ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارنىڭ نىكاھلىنىشىغا يول قويۇش — بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىدى. بۇنداق ئائىلە شەكلى شارائىتىدا، نىكاھ گۇرۇھلىرى «بوغۇنلار» بويىچە ئايرىلىدۇ دەپ قارالماقتا، قۇرداش بوغۇنلار نىكاھلىنىدۇ، يات بوغۇنلارنىڭ نىكاھلىنىشى مەنئى قىلىنىدۇ، شۇڭا بۇ «تەڭ بوغۇنلارنىڭ نىكاھلىنىشى» ياكى «قۇرداش بوغۇنلارنىڭ نىكاھلىنىشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆزى ۋە ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى ئاساس قىلىنىپ، يۇقىرىدا بوۋا-موما، دادا-ئانا؛ تۆۋەندە ئوغۇل-قىز ۋە نەۋرە-چەۋرە بولۇپ، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر نەچچە نىكاھ گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھەربىر بوغۇننىڭ ئەزالىرى بىر-بىرىگە ئاكا-ئۇكا ۋە ئاچا-سىڭىل بولىدۇ، شۇنداقلا بىر-بىرىگە ئەر-خوتۇنمۇ بولىدۇ؛ لېكىن بوۋا ۋە مومىلار بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ۋە نەۋرە-چەۋرىلىرىنىڭ، ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ نىكاھلىنىشى بىكار قىلىنىپ، بۇنىڭ بىلەن ئىككى جىنس مۇناسىۋىتىدىكى بىرىنچى قېتىملىق مۇھىم تەدرىجىي تەرەققىيات تاماملانغان. بۇ خىل نىكاھ ۋە جەمەت شەكلىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى ئەڭ قالاق قەبىلىلەردىمۇ ئىزى قالمىغان بولۇپ، ئامېرىكىلىق ئېتنولوگ مورگان ھاۋايدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىق تۈزۈمىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان. قانداشلار نىكاھلانغان ئائىلە ئېھتىمال كونا تاش قورال دەۋرىدىكى تەبىئىي ئىش تەقسىماتى يېشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى جىنسنىڭ ئۇچرىشىشىغا نىسپىي ھالدا چەك قويغانلىقتىن، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا بارا-بارا ياش ۋە قۇرداش بوغۇنلار بويىچە پەرقلەندۈرۈش شەكىللىنىپ، ئارقىدىنلا ئىككى جىنس مۇناسىۋىتىدە ئەكس ئەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىش جەھەتتىكى تەبىئىي تاللىنىشىمۇ مۇشۇنداق جەمەتنىڭ شەكىللىنىشىدە مەلۇم رول ئوينىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.

قانداش ئۇرۇقنىڭ قىساس ئېلىشى

  • قانداش ئۇرۇقنىڭ قىساس ئېلىشى[يەشمىسى:]»«قانداش تۇغقانلارنىڭ قىساس ئېلىشى» غا قارالسۇن.

قانلىق سوت

  • قانلىق سوت[يەشمىسى:]»ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى ۋېنگرىيە كرۇسىئاتى قورغىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان ئورگان. 1673-يىلدىن باشلاپ قۇرۇلغان، كېيىن پۈتۈن ۋېنگرىيە خەلقىنى باستۇرىدىغان قورالغا ئايلانغان. «كرۇسىئاتى» بىلەن ھەمكارلاشقان ياكى مۇناسىۋىتى بار دەپ پاش قىلىنغانلىكى گۇمان قىلىنغۇچىلارنى دەرھال ئۆلۈمگە، سۈرگۈن ياكى ئېغىر ئەمگەككە ھۆكۈم قىلغان. كۆپلىگەن ۋېنگرلار ۋەھشىيانە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.

قانلىق قانۇن ⅩⅤ

  • قانلىق قانۇن ⅩⅤ[يەشمىسى:]» ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن ⅩⅥ ئەسىرگىچە ئەنگلىيە تۇدور سۇلالىسى ئېلان قىلغان، ماكانىدىن ئايرىلىپ تەمتىرەپ يۈرگەن دېھقانلار (سەرگەردانلار) غا زىيانكەشلىك قىلغان پەرمان. ئەينى ۋاقىتتا يەر دائىرىلەش ئەۋجىگە چىققانلىقتىن، زور تۈركۈمدىكى دېھقانلار يەردىن مەھرۇم قىلىنىپ، يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ، سەرگەردان بولۇپ كەتكەن. بۇ ھال جەمئىيەتتە داۋالغۇش پەيدا قىلغان ھەمدە دۆلەتنىڭ باج-سېلىق ۋە ئەسكىرىي كۈچ مەنبەسىگە تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنىڭ بىلەن، تۇدور سۇلالىسى 1495-يىلى سەرگەردانلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان تۇنجى پەرمانىنى جاكارلىغان؛ 1536، 1547، 1563 ۋە 1597-يىللىرى ئارقا-ئارقىدىن مۇشۇنىڭ مەزمۇنىغا ئوخشاپ كېتىدىغان پەرمانلارنى جاكارلىغان. بۇ پەرمانلار سەرگەردانلارنى ھەر خىل قانلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جازالىغان. ئۇنىڭدا قامچىلاش، تامغا بېسىش، قۇلىقىنىڭ يېرىمىنى كېسىپ تاشلاش، قۇل قىلىپ سېتىش، ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىشتەك مەزمۇنلار بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ياللانما ئەمگەك تۈزۈمى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىنتىزامغا ئادەتلىنىشكە مەجبۇر قىلغان. فرانسىيە-نېدىرلاندىيە قاتارلىق غەربىي ياۋروپا دۆلەتلەردىمۇ كاپىتالنىڭ ئىپتىدائىي جۇغلىنىش دەۋرىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان پەرمانلارنى جاكارلىغان.

قانلىق ھەپتە

  • قانلىق ھەپتە[يەشمىسى:]»پاجىئەلىك ھەپتە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1919-يىلى 1-ئايدا ئارگېنتىنانىڭ ئىرىگويېن(Hipobito Irigoyen) ھۆكۈمىتى پايتەخت — بوئېنوس-ئايرېستىكى ئىشچىلارنى قىرغان قانلىق ۋەقە، بىر ھەپتە ئىچىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1918-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئەنگلىيە سودىگىرى ۋارسوننىڭ شىركىتىدىكى مېتاللورگىيە زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى داۋاملىق ئىش تاشلاپ، سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان. 1919-يىل 1-ئاينىڭ 7-كۈنى كارخانا ئىگىسىنىڭ ياللانما قوراللىق كۈچى ئىش تاشلىغان ئىشچىلارنى ئوق چىقىرىپ ئۆلتۈرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلار يەنە ئۆلۈم ئۇزىتىش ئۈچۈن چىققان 200 مىڭ كىشىلىك نامايىشچىلار قوشۇنىنى ئوققا تۇتۇپ، شەھەر بويىچە نارازىلىق خاراكتېرلىك ئومۇمىي ئىش تاشلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 10-كۈنىدىن باشلاپ تەرەققىي قىلىپ كوچا ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ، ئىشچىلار بىر مەھەل قورال-ياراق زاۋۇتىنى ئىگىلەپ، كۈرەش بىر ھەپتە داۋاملاشقان. ھۆكۈمەت قوشۇن ئەۋەتىپ باستۇرغان، ئىشچىلاردىن تەخمىنەن 6000 كىشى ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان، كۈرەش يېڭىلىش بىلەن ئاخىرلاشقان. بۇ، ئارگېنتىنا پرولېتارىياتىنىڭ بىر قېتىملىق مەردانە ئىنقىلابى كۈرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

قانلىق ئىتتىپاق ۋەقەسى

  • قانلىق ئىتتىپاق ۋەقەسى[يەشمىسى:]»ياپونىيە ئوڭ قانات تەشكىلاتى — قانلىق ئىتتىپاقنىڭ يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش تېررورلۇق ۋەقەسى. 1932-يىل 2-ئاينىڭ 9-كۈنى خەلق ئىشلىرى پارتىيىسى سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئىنوئۇئې جۇننوسۇكى ئىباراكى ناھىيىسىدىكى ياش دېھقان ئونۇما ئوسا تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان. شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى مىتسۇئى بىرلەشمە جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت باشلىقى دەن تاكۇمامۇ مۇشۇ ناھىيىدىكى بىر يېزىلىق ياش ھىشىنۇما گورو تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ساقچى ۋازارىتىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، ئىككى جىنايەتچىنىڭ كەينىدە بىر مەخپىي تېررورلۇق تەشكىلاتى — «قانلىق ئىتتىپاق» نىڭ بارلىقى، بۇ تەشكىلاتنىڭ باشلى-قى — ئىنوئۇئى نىسشو(Inoue Nissho، 1886— 1967) ئىكەنلىكى، ئەزالىرىدىن 14 كىشى بولۇپ، دېڭىز ئارمىيىسى ياش ئەزىمەتلەر گۇرۇھىنىڭ ئوفىتسېرلىرى بىلەن مەخپىي سۇيىقەست پىلانلاپ، «بىر ئادەم بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈش» فاڭجېنىنى قوللىنىپ، ئىنوئۇئې ۋە دەندىن باشقا، يەنە ۋاكاتسۇكى رېجىرو، سايئونجى كىمموچى، ئىكېدا شىگىېئاكى، توكۇگاۋا ئىبساتو قاتارلىق 20 نەچچە كىشىنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈشكە تەييارلىنىپ، «پەۋقۇلئاددە ۋاسىتىلەر» نى قوللىنىش ئارقىلىق، «پارتىيە، مالىيە زومىگەرلىرى ۋە ئىمتىيازلىق سىنىپ قاتارلىق كونا كۈچلەرنى ئاغدۇرۇپ»، «پادىشاھ بىلەن خەلقنىڭ بىللە باشقۇرۇشى» نى «ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش» قا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. كېيىن بارلىق ئەزالىرى قولغا ئېلىنغان. 1933-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ سوراق قىلىنغان. شۇ يىلى 11-ئايدا ئىنوئۇئى، ئونۇما، ھىشىنوماغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، قالغانلارغا ئايرىم-ئايرىم ئۈچ يىلدىن 15 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن. 1940-يىلى 11-ئايدا، ھەممىسى ئومۇمىي كەچۈرۈمگە ئىگە بولغان.

قانلىق يەكشەنبە

  • قانلىق يەكشەنبە[يەشمىسى:]» يەنى «9-يانۋار ۋەقەسى». روسىيە چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى پېتېربۇرگدىكى تىنچ تەلەپ قويغان ئىشچىلارنى قىرغىن قىلغان ۋەقە. 1905-يىلى 1-ئاينىڭ باشلىرىدا پۆتىلو زاۋۇتى ئىش تاشلاپ، ئەۋج ئېلىپ پۈتۈن پېتېربۇرگ شەھىرى بويىچە ئومۇمىي ئىش تاشلاشقا ئايلانغان. 1-ئاينىڭ 9-كۈنى (مىلادى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، يەكشەنبە) ساقچى ئىدارىسىنىڭ پايلاقچىسى گاپون (Гапон. А. Т، 1870 — 1906) دېگەن پوپنىڭ قۇترىتىشى بىلەن، 140 مىڭ ئىشچى سەپ تارتىپ قىشلىق سارايغا بېرىپ چار پادىشاھقا تەلەپنامە سۇنۇپ، مەتبەئە، سۆز، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش قاتارلىق ئەركىنلىكلەرنى، سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى ۋە يەرلەرنى دېھقانلارنىڭ ئىگىدارلىقىغا بېرىشنى تەلەپ قىلغان. چار پادىشاھ ئالدىن قەستلەنگەن پىلان بويىچە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ باستۇرغان. تەلەپ قويغان ئىشچىلاردىن مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن. نەچچە مىڭ كىشى يارىدار بولغان. بۇ پاجىئە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا چوڭ ئىش تاشلاش كېلىپ چىققان ھەمدە بۇ 1905 — 1907-يىللاردىكى ئىنقىلابنىڭ پارتلشىغا سەۋەب بولغان.

قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى

  • قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى[يەشمىسى:]» فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى بىر پالاتالىق قانۇن چىقىرىش ئورگىنى. 1791-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېچىلغان. پارلامېنت ئەزالىرى ئۈچ گۇرۇھقا مەنسۇپ بولۇپ، ئوڭچىلار — فېليانچىلار 264 ئورۇننى، سولچىلار-ياكوبىنچىلار 136 ئورۇننى (بۇنىڭ ئىچىدە يەنە گروندىچىلار ئاساس قىلىنغان)، ئارىلىقتىكىلەر — مۇستەقىل گۇرۇھتىكىلەر 345 ئورۇننى ئىگىلىگەن. 1792-يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن ئىلگىرى فېليانچىلار بىلەن گروندىچىلار رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىپ، ھەرقايسىسى بىر مەزگىل ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەن. 1791-يىل 10— 11-ئايلاردا قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى قېچىپ كەتكەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ چەكلىك مۇددەت ئىچىدە ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشى ۋە قارشىلاشقۇچى مۇناخلارنىڭ جەزمەن پۇقرالار قەسەميادى ئۆتكۈزۈشى لازىملىقى توغرىسىدىكى پەرماننى ماقۇللىغان. 1792-يىل 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، پارلامېنت كۆپچىلىك ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن پادىشاھنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىشىنى قۇۋۋەتلىگەن.7-ئاينىڭ 11-كۈنى، «ۋەتەن خەۋپ ئاستىدا» دەپ جاكارلاپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ۋەتەننى ھىمايە قىلىشقا چاقىرغان. 10-ئاۋغۇست قوزغىلىڭىدىن كېيىن گروندىچىلار قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنى تىزگىنلەپ، شومىت قاتارلىق كىشىلەرنىڭ رەھبەرلىكىدىكى پارىژ كوممۇنىسى (1789 — 1794) بىلەن قارشىلاشقان. خەلقنىڭ بېسىمى بىلەن فېليانچىلارغا قارىغاندا ئىلغار بولغان يەر قانۇنىنى ئېلان قىلغان. پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى ۋاقىتىنچە توختىتىش، يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى — مىللىي ئۇيۇشمىنى چاقىرىشنى جاكارلىغان. قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى1712-يىل 9-ئاينىڭ 20-كۈنى يېپىلغان.

قانۇنچىلىق تارىخشۇناسلىقى

  • قانۇنچىلىق تارىخشۇناسلىقى[يەشمىسى:]»ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى گېرمانىيە قانۇنشۇناسلىقى ۋە تارىخشۇناسلىقىدىكى بىر ئەكسىيەتچىل ئىدىيىۋى ئېقىم. بۇنىڭ ئىجادچىسى گېرمانىيە قانۇنشۇناسى گۇستاۋ خۇگو (Gustav Hugo، 1764 — 1844) بولۇپ، ئاساسلىق ۋەكىلى ساۋىنې «تەتقىقاتنىڭ مەنبەسى» بۇ ئېقىمنىڭ شوئارى بولۇپ، ئۇلار «تەبىئىي ھالەت ئىنسان ماھىيىتىنىڭ ھەقىقىي ھالىتى»، «ئادەمنىڭ قانۇندىكى بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى — ئۇنىڭ ھايۋانلىق ماھىيىتىدۇر» دەپ ھېسابلىغان، يەنە، قانۇننىڭ مەنبەسى ئادەت، تارىختا ئادەتكە ئايلانغان قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ ھەممىسى يوللۇق، شۇڭا كىشىلەرنىڭ «ھوقۇق ئىگىلىگەن ئەمەلدارغا بويسۇنۇشى ۋىجداننىڭ مۇقەددەس بۇرچى» دەپ قاراپ، ھوقۇقدارغا سەللا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىك چوڭ ئاسىيلىق بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئەمەلىيەتتە شۇ چاغدىكى گېرمانىيە فېئودال ئىستىبداتلىق ھوقۇقچىلىقىنى قوغدايدىغان ئەكسىيەتچىل نەزەرىيە. ماركس بۇ ئېقىمنى تەنقىدلىگەندە بۇ «تۈنۈگۈنكى رەزىل ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بۈگۈنكى رەزىل ھەرىكەتلىرىنى ئاقلىغانلىق»، ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقنى قانۇنلاشتۇرغانلىق، دەپ كۆرسەتكەن.

قانۇنغا يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتى

  • قانۇنغا يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتى[يەشمىسى:]» 1946 — 1950-يىللىرى سولومون تاقىم ئاراللىرىدىكى يەرلىك خەلقلەر قوزغىغان مىللەتپەرۋەرلىك ھەرىكىتى. ئۇنىڭ مەخپىي نامى «ماسىنا»(— Masina «قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى» مەنىسىدە) دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، تاقىم ئارال ئىچىدىكى مالايتا (Malaita) ئارىلىنىڭ نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىلىرى گۇادالكانال ئارىلىغا بېرىپ، ئامېرىكا قوشۇنى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئاق تەنلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن نارازى كەيپىياتى گۇادالكانال ئارىلىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلغان، مالايتا ئارىلىدىمۇ كۆپ قېتىملىق ئاممىۋى نامايىش بولغان. ھەرىكەت تاقىم ئاراللاردىكى باشقا ئاراللارغىمۇ كېڭەيگەن. مۇستەملىكىچى دائىرىلەر تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ، يۈز نەپەردىن كۆپرەك مۇھىم ئەزاسى تۇتقۇن قىلىنغان، ھەرىكەتمۇ پەسىيىشكە باشلىغان.

قانۇنلار توپلىمى

  • قانۇنلار توپلىمى[يەشمىسى:]» چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ قانۇنلار توپلىمى. لى سۇلالىسىنىڭ «جىنگو قائىدە-نىزاملىرى»، «قانۇنلار توپلىمى» ئاساسىدا 1865-يىلى تۈزۈپ چىقىلىپ، لى سۇلالىسى قانۇنلىرى مۇجەسسەملەشكەن ئەسەر بولۇپ قالغان. «جىنگو قائىدە-نىزاملىرى» نىڭ سىستېمىلىرى بويىچە ئەمەلدارلىق نىزامى، نوپۇس نىزامى، ئەدەب نىزامى، ئەسكەرلەر نىزامى، جازالاش نىزامى، ھۈنەر نىزامى قاتارلىقلارغا ئايرىلغان. ھەربىر نىزامنىڭ ئاستىغا «جىنگو قائىدە-نىزاملىرى» نىڭ ئەسلى تېكىستلىرى بېرىلگەن (ئۇ «ئەسلى» دېگەن سۆز بىلەن ئىزاھلانغان)؛ «تولۇقلانغان قائىدە-نىزاملار» نىڭ تولۇقلىما ماددىلىرى بېرىلگەنلىرىگە («تولۇقلىما» دېگەن سۆز ئىزاھلانغان)؛ «قانۇنلار توپلىمى» نىڭ كۆپەيتىلگەن ماددىلىرى بېرىلگەنلىرىگە(«كۆ-پەيتىلمە» دېگەن سۆز ئىزاھلانغان) «قانۇنلار توپلىمى» غا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ماددىلار بىرىلگەنلىرىگە («يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن» دېگەن سۆز ئىزاھلانغان) جەمئىي ئالتە توم بولۇپ، 1865-يىلى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا 1939-يىلى چاۋشيەننىڭ باش ۋالىي مەھكىمىسى مەركىزىي پالاتانىڭ «تەكشۈرۈپ تۈزەتكەن قانۇنلار توپلىمى» مۇ نەشىر قىلىنغانىدى. ئۇ چاۋشيەننىڭ تارىخىنى، قانۇن نىزاملىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ھۈججەتماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

قانۇنىي ماركسىزم

  • قانۇنىي ماركسىزم[يەشمىسى:]» يەنى «ستروۋېزم».

قاھىرە خىتابنامىسى

  • قاھىرە خىتابنامىسى[يەشمىسى:]» ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 1943-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى قاھىرەدە ئېلان قىلغان خىتابنامە. باياناتتا، ئۈچ دۆلەتنىڭ «جەڭ قىلىشتىكى مەقسىتى، ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى چەكلەش ۋە جازالاشتىن ئىبارەت. ئۈچ دۆلەت ھەرگىز ئۆز پايدىسىغا ئۇرۇنمايدۇ. زېمىنىنى كېڭەيتىش نىيىتىمۇ يوق»؛ «ئۈچ دۆلەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، 1914-يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن ياپونىيە تىنچ ئوكياندا تارتىۋالغان ياكى ئىشغال قىلىۋالغان بارلىق ئاراللارنى تارتىۋېلىش، ياپونىيە چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان جۇڭگو زېمىنىنى مەسىلەن، شەرقىي شىمال، تەيۋەن، پىڭخۇ تاقىم ئاراللىرى قاتارلىقلارنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىش، ياپونىيىنى قورال كۈچى ياكى خىرىسلىرى ئارقىلىق بېسىۋالغان بارلىق جايلاردىن ھەيدەپ چىقىرىشتىن ئىبارەت»، «مۇۋاپىق ۋاقىتتا چاۋشيەنگە ئەركىنلىك، مۇستەقىللىك بېرىلىدۇ» دېيىلگەن. خىتابنامىنىڭ ئاخىرىدا: «ياپونىيىنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە زۆرۈر بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش قەتئىي داۋاملاشتۇرۇلىدۇ» دەپ جاكارلانغان.

قاھىرە يىغىنى

  • قاھىرە يىغىنى[يەشمىسى:]» ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 1943-يىل 11-ئاينىڭ 22 — 26-كۈنلىرى جۇڭگو، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قاھىرەدە ئۆتكۈزگەن يىغىنى. يىغىندا ياپونىيىگە قارشى بىرلىشىپ كۈرەش قىلىش پىلانى، ياپونىيىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ياپونىيىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. يەنە ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش قارارى چىقىرىلغان ھەمدە جۇڭگو، ئەنگلىيە، ئامېرىكىنىڭ «قاھىرە خىتابنامىسى» ئىمزالانغان.

قائىدە-يوسۇن مۇنازىرىسى

  • قائىدە-يوسۇن مۇنازىرىسى[يەشمىسى:]» چاۋشيەندىكى لى سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا فېئودال ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ئائىلە قائىدە-يوسۇنلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرە. ئائىلە قائىدە-يوسۇنلىرى باش كىيىم، توي، ئۆلۈم ۋە نەزىر-چىراغتىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك ئەدەب مۇراسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاساسلىقى ھازا مۇراسىمى مەسىلىسى ئۈستىدە تالاش بولغان. 1659-يىلى شياۋزۇڭ خان ئۆلگەندە غەربلىكلەر گۇرۇھىدىكى سۇڭ شىليې قاتارلىقلار شياۋزۇڭ رېنزۇخاننىڭ چوڭ ئوغلى ئەمەس، شۇڭا خانىكە سى يىنىڭ ھازا كىيىمى كىيىش مۇددىتى بىر يىل بولۇشى كېرەك، دەپ قارىغان. جەنۇبلۇقلار گۇرۇھىدىكى يى جۈەن قاتارلىقلار شياۋزۇڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلغانىكەن، ئۇنىڭ خاننىڭ چوڭ ئوغلىدىن پەرقى يوق. شۇڭلاشقا سى يى خانىكىنىڭ ھازا كىيىمى كىيىش مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇشى لازىم، دەپ قارىغان. نەتىجىدە غەربلىكلەرنىڭ تەشەببۇسى قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلار غەلىبە بىلەن ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان. 1674-يىلى شياۋزۇڭ خاننىڭ خانىشى ئۆلگەندە خانىكە سى-يىنىڭ ھازا كىيىمى كىيىش مۇددىتى مەسىلىسىدە غەربلىكلەر توققۇز ئاي بولۇشى كېرەك دەپ، جەنۇبلۇقلار بولسا بىر يىل بولۇشى كېرەك دەپ تەشەببۇس قىلىشقان، نەتىجىدە جەنۇبلۇقلار غەلىبە قىلىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان، غەربلىكلەر تەسىر كۈچىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئائىلە قائىدە-يوسۇنلىرى توغرىسىدىكى مۇنازىرە ئۇزاق مۇددەتكىچە گۇرۇھلار كۈرىشىنىڭ باھانىسى بولۇپ قالغان. جۇزى تەلىماتىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئەدەب-قائىدە مۇراسىملىرىغا ھۈرمەت قىلىش نەزەرىيىسى بىلەن ئالىيجاناب ئەخلاقىي پەزىلەت تەلىماتى بۇ مۇنازىرىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىي بولغان. ماھىيەتتە بۇ، لى سۇلالىسى ھۆكۈمران سىنىپلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، خالاس.

قايتا چوقۇنۇش تەرەپدارلىرى

  • قايتا چوقۇنۇش تەرەپدارلىرى[يەشمىسى:]» خرىستىئان مەزھەپلىرىنىڭ بىرى، مۇرىتلاردىن ياش-قۇرامىغا يەتكەندە قايتا چوقۇنۇشنى تەلەپ قىلغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1519-يىلى شۋېتسارىيىدە مەيدانغا كېلىپ، بارا-بارا ئوتتۇرا ياۋروپا ۋە غەربىي ياۋروپاغا تارقالغان. ئۇنىڭ مەقسىتى دەسلەپتە كاتولىك چېركاۋلىرىنىڭ مەرتىۋە تۈزۈمى، سۈرەت-ھەيكەللەرگە چوقۇنۇش ۋە بەزى دىنىي قائىدە-يوسۇنلارنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش بولغان بولسا، كېيىن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ بايلىق توپلاش ۋە ئىجتىمائىي تەڭسىزلىكنى ئەيىبلەپ، مال-مۈلۈك (ئىستېمال ۋاسىتىلىرىنى كۆرسىتىدۇ) ئومۇم ئىگىدارلىقىدا بولغان مەڭگۈلۈك «تەڭرى دۆلىتى» نى قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت بولغان. نامرات قول سانائەتچىلەر، نىمكارلار، دېھقانلار، يەنە بىر قىسىم مەدەنىيەتلىك كىشىلەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرى ئاساسىي ئامما بولغان. مۇرىتلىرىنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، ئىچكى قىسمىدا گۇرۇھ ۋە مەزھەپمۇ كۆپ بولغان. زۋىكائۇ شەھىرى (Zwickau، ساكسونىيىدە، سابىق دېموكراتىك گېرمانىيىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى) گېرمانىيىدىكى قايتا چوقۇنۇش تەرەپدارلىرىنىڭ مەركىزىي قىلىنىپ، نىكولاس ستوخ رەھبەر بولغان. مۇرىتلىرى مۇنزېرنىڭ تەسىرى بىلەن، 1524 — 1525-يىللىرىدىكى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشىغا ئاكتىپ قاتناشقان. كېيىن ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ۋەھشىيلىك بىلەن زىيانكەشلىك قىلىشىغا ئۇچرىغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى، كۈرەش يەنە بىر قېتىم يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، مۇنستېر (Munster) كوممۇنىسى قۇرۇلغان. قايتا چوقۇنۇش تەرەپدارلىرى يەنە نېدىرلاندىيە، ئەنگلىيە، موراۋىيە، چېخ ۋە ۋېنگرىيىلەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

قەبىلە

  • قەبىلە[يەشمىسى:]» ئىپتىدائىي جەمئىيەت تەشكىلاتى قاتارىدىكى بىر قاتلام تەشكىلات. قانداشلىق يېقىن بولغان بىرقانچە ئۇرۇقداشلىق ياكى قېرىنداشلىقتىن تەشكىل قىلىنغان. ئۇرۇقداشلىق بىلەن بىر ۋاقىتتا مەيدانغا كەلگەن. قۇرۇلمىسى ئاددىي بولغان ئىپتىدائىي قەبىلىلەر ئىككى ياكى ئىككىدىن يۇقىرى ئۇرۇقداشلىقتىن تۈزۈلگەن. ئانا جەمەت ئۇرۇقداشلىقى تازا روناق تاپقان مەزگىلدە، نۇرغۇن ئۇرۇقداشلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تەشكىلىي بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان قەبىلىلەر بارلىققا كەلگەن. مورگان خاتىرىلىرىدە بايان قىلىنغان شىمالىي ئامېرىكا ئىندىئانلىرى ئىچىدىكى ئروكىزلار مۇشۇنداق قەبىلە پاكىتى بىلەن تەمىنلىدى. قەدىمكى يۇنانلىقلار ۋە رىملىقلار قەبىلىلىرى بولسا ئاتا جەمەت ئۇرۇقداشلىقى دەۋرىدىكى قەبىلىلەر پاكىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭ ئومۇمىي خۇسۇسىيىتى ۋە فۇنكسىيىسى شۇكى، ئورتاق زېمىنى ۋە نامى بار؛ ئورتاق يەرلىك تىلدا سۆزلىشىدۇ؛ ئۇرۇقداشلار سايلىغان ئۇرۇق باشلىقىدا ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ئېلىپ تاشلاش ھوقۇقى بار؛ ئورتاق دىنىي ئېتىقادى ۋە رەسىم-قائىدىسى بار؛ ئۇرۇق باشلىقلىرىدىن قەبىلە كېڭىشى تەشكىل قىلىنىپ، ئورتاق ئىشلار بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ئورتاق مەنپەئەت قوغدىلىدۇ، بەزى قەبىلىلەردە ئەڭ ئالىي باشلىق قويۇلىدۇ. قەبىلىلەر سىنىپىي جەمئىيەتكە ۋە دۆلەتكە ئۆتۈش دەۋرىدە ئومۇمەن ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.

قەبىلە يىغىنى

  • قەبىلە يىغىنى[يەشمىسى:]» قەدىمكى رىمدىكى پۇقرالار يىغىنلىرىنىڭ بىرى. يەنى «ترىبۇ يىغىنى».

قەبىلىلەر ئازادلىق ئىتتىپاقى

  • قەبىلىلەر ئازادلىق ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]» «باراۋەرلىك جەمئىيىتى» غا قاراڭ.

قەبىلىلەرنىڭ كۆچۈشى

  • قەبىلىلەرنىڭ كۆچۈشى[يەشمىسى:]» قەدىمكى زاماندا مەدەنىيەت دۇنياسىنىڭ سىرتىدىكى ئىپتىدائىي قەبىلىلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك كۆچۈشى. بەزى قەبىلىلەر ئۇرۇشتا يېڭىلىپ نائىلاج كۆچكەن، بەزى قەبىلىلەر ياشاشقا تېخىمۇ لايىق جايلارنى ئىزدەپ كۆچكەن، يەنە بەزى كۆچمەن قەبىلىلەر «سۇ-ئوتلاق قوغلىشىپ»، تۇرالغۇ جاينى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرغان، شۇنىڭدەك باشقا سەۋەبلەر بىلەن قەبىلىلەرنىڭ كۆچۈشى قەدىمكى دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان تارىخىي ھادىسە بولۇپ قالغان. مەسىلەن، قەدىمكى جۇڭگودىكى جۇلىقلارنىڭ گۇگۇڭ دەنفۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇيۈەنگە كۆچۈشى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپىدىكى ھىندى-ياۋروپا تىلى سىستېمىسىدىكى قەبىلىلەرنىڭ ھىندىستان ۋە ئىرانغا كۆچۈپ كېلىشى، پرۇگىئانلارنىڭ كىچىك ئاسىياغا كىرىشى، يۇنانلىقلار قەبىلىلىرىنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىغا كۆچۈشى، ھۇن قەبىلىلىرىنىڭ غەربكە كۆچۈشى ھەمدە گېرمان قەبىلىلىرىنىڭ رىم ئىمپېرىيىسىگە كىرىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇنداق كۆچۈشنىڭ مەشھۇر مىساللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قەبىلىلەرنىڭ كۆچۈشى بەزىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانىيەتنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى، تىل سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى، شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئالمىشىشى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىغان.

قەبىلىلەر ئىتتىپاقى

  • قەبىلىلەر ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]» ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى ئۇرۇقداش قەبىلىلەر تەشكىلاتى قاتارىدىكى ئالىي دەرىجىلىك تەشكىلات. ئادەتتە تېررىتورىيىسى يانداش بولغان، ئورتاق يەرلىك تىلدا سۆزلىشىدىغان، ئۇرۇق-تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بولغان ئۇرۇقداش قەبىلىلەردىن تەركىب تاپقان. ئالاھازەل پۈتكۈل ياۋايىلىق دەۋرىدە مەۋجۇت بولغان. مەسىلەن، شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلار ئروكىز قەبىلىسىنىڭ بەش قەبىلە ئىتتىپاقى ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدا تۇرغان؛ مېكسىكا جىلغىسىدىكى ئازتېكلارنىڭ ئۈچ قەبىلە ئىتتىپاقى ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىدا تۇرغان؛ كائېسار دەۋرىدىكى گاللىيىلىكلەر بىلەن گېرمانلارنىڭ قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئاساسەن ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدا تۇرغان. ئۇنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە فۇنكسىيىسى ئاساسەن: ئىتتىپاققا قاتناشقان قەبىلىلەرنىڭ ئورنى باراۋەر بولغان، ئىچكى ئىشلىرىغا ئۆزى ئىگىدارلىق قىلغان؛ سىرتقا قارىتا (كۆپىنچە ئۇرۇش قىلىشتا) بىرتۇتاش ھەرىكەت قىلغان؛ ئىتتىپاق كېڭىشى تەسىس قىلىنغان، ئۇ قەبىلىلەر باشلىقلىرىدىن تەركىب تاپقان، بارلىق چوڭ قارارلار ھەممەيلەننىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن؛ ئىتتىپاقنىڭ باشقۇرۇش ئاپپاراتىدا، تۆۋەنرەك تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرغان ئروكىزلار ئىتتىپاقىدا باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولغان ئىككى نەپەر ئالىي ھەربىي ئاتامان قويۇلغان، يۇقىرىراق تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرغان (مەسىلەن، قەدىمكى يۇنان) قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدا بولسا ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى يولغان قويۇلغان. قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئۇرۇقداش قەبىلىلەرنىڭ ئالىي تەشكىلاتى بولۇپ، ئۇ ھەممىلا يەردە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان ئەمەس.

قەدىمكى پۇل ئىلمى

  • قەدىمكى پۇل ئىلمى[يەشمىسى:]» ئارخېئولوگىيىنىڭ بىر تارمىقى. ھەرقايسى دۆلەت، رايونلارنىڭ ئۆتكەنكى دەۋرلەردىكى پۇللىرىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدۇ. پۇللارنىڭ شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى، ئېغىرلىقى، لايىھىلىنىشى، يېزىق شەكلى، تەركىبى، رولى ۋە قىممىتى قاتارلىق جەھەتلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىپ، ئەينى دەۋردىكى جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىزدىنىلىدۇ. چەت ئەللەردە، گرېتسىيە، رىملارنىڭ پۇللىرىنى تەتقىق قىلىشتىن باشلانغان. گەرچە مۇستەقىل بىر ئىلىم تارمىقى بولسىمۇ، لېكىن ئارخېئولوگىيە ئىلمى، يازما يادىكارلىق ئىلمى، جۇغراپىيە ئىلمى، گۈزەل سەنئەت تارىخى قاتارلىق ساھەلەرگە نىسبەتەن ياردەمچىلىك رولىغا ئىگە.

قەدىمكى دەۋر

  • قەدىمكى دەۋر[يەشمىسى:]» ئادەتتە قۇللۇق تۈزۈم دەۋرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. سىنىپلارغا بۆلۈنگەندىن تارتىپ (يېزىق بىلەن خاتىرىلەش باشلانغاندىن تارتىپ) قۇللۇق تۈزۈم يىمىرىلگەنگە قەدەر كەڭ مەنىدىكى قەدىمكى دەۋر ئىپتىدائىي كوممۇنا دەۋرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن دەۋر چېكىمۇ بولمايدۇ. مىسىر، مېسوپوتامىيە ۋادىسى، ھىندىستان، پارىس قاتارلىق جايلار تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅩ ئەسىردىن مىلادىنىڭ دەسلىپىدىكى بىر قانچە ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ. گرېتسىيە بىلەن رىم تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن مىلادى Ⅴ ئەسىر (مىلادى 476-يىلى) لەرگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىدا بولسا، جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرى فېئوداللىق دەۋرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قەدىمكى قەبرە مەدەنىيىتى

  • قەدىمكى قەبرە مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]» ياپونىيىنىڭ قەدىمكى دەۋر مەدەنىيىتى، يايوئى مەدەنىيىتىدىن كېيىن تۇرىدۇ. يىل دەۋرى تەخمىنەن مىلادىⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ Ⅶ ئەسىرگىچە بولغان ياپونىيىدىكى قەدىمكى دۆلەتلەرنىڭ شەكىللەنگەن مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ. ئەينى دەۋرلەردىكى ئاقسۆڭەكلەر ياساتقان قەدىمىي قەبرىلەر ئالاھىدىلىك قىلىنغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. قەدىمكى قەبرىلەر تىپىك بولغان ئالدى تەرەپ چاسا شەكىلدە كەينى تەرەپ يۇمىلاق بولغان قەبرىلەردىن باشقا يەنە يۇمىلاق قەبرە، چاسا قەبرە قاتارلىق شەكىللەرمۇ بولغان. يەنە ئالدىمۇ چاسا، كەينىمۇ چاسا، ئىككى تەرىپى چاسا، ئوتتۇرىسى يۇمىلاق، ئۈستى يۇمىلاق، تۆۋەن تەرىپى چاسا قاتارلىق ئالاھىدە شەكىلدىكىلىرىمۇ بولغان، لەھەت قۇرۇلمىسىدا تىك ئۆي ۋە تۈز ئۆيدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولغان ئاخىرەتلىك بۇيۇملاردىن زىننەت بۇيۇملىرى، قورال-ياراق، ساۋۇت-دۇبۇلغا، ئېگەر-جابدۇق ۋە ساپال قورچاق قاتارلىقلار بار. ساپال قورچاق دەپنە ۋاقتىدا قەبرە ئىچىگە بىرگە قويۇلماستىن بەلكى قەبرە توپىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان، بەزى قەبرىلەردىن يەنە جۇڭگونىڭ خەن، ۋىي، ئالتە سۇلالىسىنىڭ مىس ئەينىكىمۇ چىققان.

قەدىمكى قۇلۇلە شەھىرى

  • قەدىمكى قۇلۇلە شەھىرى[يەشمىسى:]» ۋيېتنامنىڭ رىۋايەتتىكى ئوۋلو دۆلىتى ئەنياڭ پادىشاھىنىڭ پايتەختى. يەنە بىر ئىسمى كې رو شەھىرى. «كۇرۇ»، «كې رو» دېگەنلەر «كې رو» نىڭ (ۋيېتنام تىلىدا مەلۇم بىر خەتنىڭ ئالدىغا «Ke» يەنى كې ھەرپى قوشۇلۇپ يەر نامىنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ) ئاھاڭ تەرجىمىسى. چۈنكى بۇ شەھەرنىڭ كۆرۈنۈشى قۇلۇلە قېپى شەكلىدە بولغانلىقتىن قۇلۇلە شەھىرى دەپ ئاتالغان. بۈگۈنكى يۇڭفو ئۆلكىسى دۇڭيىن ناھىيىسىنىڭ كۇرۈ كەنتىدە، بۈگۈنكى قەدىمكى قۇلۇلە شەھىرىنىڭ خارابىسى بەلكىم جۇڭگونىڭ شەرقىي خەن سۇلالىسىدىكى مايۇەننىڭ ئەن ياڭ پادىشاھنىڭ كونا شەھىرى خارابىسى ئورنىغا قۇرغان ئوردا شەھىرىنىڭ خارابىسى بولۇشى مۇمكىن. Ⅹ ئەسىردە ۋۇچۈەن دۆلەت قۇرغاندا، بۇ ئورۇننى پايتەخت قىلغان.

قەدىمكى كىشىلەر

  • قەدىمكى كىشىلەر[يەشمىسى:]» (Paleoanthropus):مايمۇنسىمان ئادەملەر بىلەن يېڭى ئادەملەر ئارىلىقىدىكى ئىنسانلار. 100 — 200 مىڭ يىللار بۇرۇن ياشىغان بولۇپ، گېئولوگىيىلىك يىلىدا يېڭى ئېرانىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە، مەدەنىيەتتە كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە مەنسۇپ. ئەڭ دەسلەپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغىنى 1856-يىلى گېرمانىيىنىڭ دۇسسېل دورفتىكى نېئاندېرتا دەريا ئېقىنىغا يېقىن جايدىكى غاردىن تېپىلغان موست دەۋرىگە خاس نېئاندېرتال (Homo Sapiens Neanderthalensis،Homo Neanderthalensis) ئادىمى بولغان، شۇڭلاشقا، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىغا يەنە نېئاندېرتال ئادىمى باسقۇچى دېگەن ئاتالغۇ قوشۇلغان. قەدىمكى ئادەملەرنىڭ بەدىنى مايمۇنسىمان ئادەملەردىن ئىلگىرىلىگەن، ئۆرە تۇرۇپ ماڭالايدىغان بولغان؛ مېڭە سىغىمچانلىقى تەخمىنەن 440 مىللىلىتر بولغان؛ قاپىقى تەرەققىي قىلغان، پېشانىسى سەل يانتۇ؛ دوققىسى بۆرتۈپ چىققان، يۈزى بەك سوزۇنچاق؛ كۆز چانىقى يۇمىلاق ھەم چوڭ، ئىككى چاناقنىڭ ئارىلىقى خېلى كەڭ؛ بۇرنى ياپىلاق ھەم كەڭ؛ جاۋغىيى ئالدىغا بۆرتۈپ چىققان، لېكىن ئېڭەك قىسمى يەنىلا كەينىگە تارتىلغان. ئىشلەتكەن تاش سايمانلىرىدىن ئۇچلۇق شەكىلدىكى قوراللار ۋە يونۇش-قىرىش قوراللىرى كۆرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۆڭەك قوراللارمۇ كۆرۈلگەن. يىغىمچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. يۈز يىل مابەينىدە، كونا قۇرۇقلۇقتىن ھازىرغىچە ئوندەك ئورۇندا تاشقا ئايلانغان قەدىمكى ئادەملەر تېپىلغان، جەمئىي 200 دىن ئارتۇق يەككە تەن بار.

قەدىمكى ئىشلار خاتىرىسى

  • قەدىمكى ئىشلار خاتىرىسى[يەشمىسى:]» ياپونىيىدە ساقلىنىۋاتقان ئەڭ بۇرۇنقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يېزىلغان تارىخ كىتاب. تېننو تېنمۇ (672 — 686-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) «ئىمپېرىيە تارىخى ۋە كونا قامۇسلارنىڭ چىنلىققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى» نى كۆزدە تۇتۇپ، ساختىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ھەقىقىيسىنى بېكىتىش ئۈچۈن يېقىن ئادىمى ھىبدائالىنى چاقىرتىپ «خان تارىخىنىڭ داۋامى» بىلەن «ھازىرقى زاماندىكى كونا قامۇسلار» نى يادقا ئالدۇرغان. تېننو يۈەنمىڭ (707 — 715-يىللار تەختتە ئولتۇرغان)، مىلادىنىڭ 711-يىلى (خې توڭ 4-يىلى) تەي ئەن ۋەنلۇينى خاتىرىلەشكە بۇيرۇغان، ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئايدا ئۈچ توم كىتاب قىلىپ تۈزۈپ چىقىلغان. 1-تومىدا «ئاسمان-زېمىن يارىتىلىش» تىن تارتىپ، دەۋرى ئېنىق بولمىغان ئاقساقاللىقلارغا قەدەر ئىلاھلار شەجەرىسى ۋە ئەپسانىلەر بولۇپ، ئارىسىغا بۇلۇت ئىلاھى كىرىشتۈرۈلگەن. «ياپونىيە يىلنامە خاتىرىسى» ئۇچرىمايدۇ؛ ئىككىنچى تومىدا تېننو جىممۇدىن تارتىپ تېننو ئوجىنغىچە بولغان ئەپسانە ۋە قەھرىمانلىق رىۋايەتلىرى بايان قىلىنغان؛ ئۈچىنچى تومىدا تېننو رېن دېدىن تارتىپ تېننو تۇيگۇغىچە بولۇپ سەل ئاددىيراق بولغان، كىرىش قىسمى خەنزۇچە يېزىلىپ، ئەسەرنىڭ ئۆزى خەنزۇچە تاۋۇشقا ماسلاشتۇرۇلغان ئارىلاشمىلىق ئالاھىدە خەنزۇچە يېزىق شەكلى بىلەن يېزىلغان. 1792-يىلى (كۇەنجېڭ 4-يىلى) موتوئورى نورىناگا «قەدىمكى ئىشلار قىسسىسى» دېگەن ئەسەرنى يازغان، بۇ، مەزكۇر كىتاب ھەققىدىكى مۇھىم شەرھى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

قەدىمكى يەر ماگىنتىزمنى دەۋرگە بۆلۈش

  • قەدىمكى يەر ماگىنتىزمنى دەۋرگە بۆلۈش[يەشمىسى:]» جىسىمنىڭ كۆيدۈرۈلگەن يىل دەۋرىنى ئۆلچەپ بېكىتىشتىكى بىر خىل ئۇسۇل. يەر شارى ماگنىت مەيدانى ئىچىدىكى ماددا ھەرىكىتى بىلەن سىرتقى سەۋەب كەلتۈرۈپ چىقارغان قۇتۇپلۇق 180 گرادۇسلۇق تەتۈر ئايلىنىشتىن پەيدا بولغان نۆۋەتلىشىپ قۇتۇپلانغان ۋاقىتقا ۋە قىسقا مۇددەتلىك قۇتۇپلۇق تەتۈر ئايلىنىش ۋاقتىغا ئاساسەن يىل دەۋرى بېكىتىلىدۇ. ماگنىت مەيدانىنىڭ قۇتۇپلىنىپ تەتۈر ئايلىنىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغاندا 10 مىڭ يىلدىن تارتىپ 1 مىليون يىلغىچە، قىسقا بولغاندا بىرقانچە مىڭ يىلغىچە بولىدۇ. ئارخېئولوگىيىلىك يىل دەۋرىنى ئۆلچەپ بېكىتىش ۋاقتىدا، ئاساسەن قىزدۇرۇلۇپ ئېشىنغان ماگنىتلىقتىن پايدىلىنىدۇ. ساپال، خىشتىن ياسالغان ئوچاق، خۇمدان بىلەن ماگما جىنسلىرى قاتارلىق يېپىشقاق توپىلار ئارىسىدا مول تۆمۈر ئوكسىدى قاتارلىق ماگنىتلىق ماددىلار بار. سېغىز توپا كۆيدۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى، ماگنىتلىق يۆنىلىش تەرتىپى قالايمىقان بولۇپ، ئۆزئارا يېيىشىپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ماگنىتلىق ئىنتايىن ئاجىز بولىدۇ. يۇقىرى ھارارەتتە كۆيدۈرۈلۈش جەريانىدا،مەزكۇر ئورۇندىكى يەر شارى ماگنىت مەيدانى كۈچىنىڭ تەسىرىدە، كۆيدۈرۈلگەن جىسىمنىڭ ماگنىتلىق تەرتىپ يۆنىلىشى يەر شارى ماگنىت مەيدانى يۆنىلىشى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. كۆيدۈرۈش ئاخىرلىشىپ، ھارارەت سوۋۇغاندا، جىسىمنىڭ ماگنىتلىق يۆنىلىشى «قېتىشتۇرۇۋېلىنىدۇ» شۇنىڭ بىلەن، ئەۋرىشكىنىڭ ماگنىت ئېغىش بۇلۇڭى (يەر شارى ماگنىت مەيدانى شىمالىي قۇتۇپنىڭ ئارا بۇلۇڭى) ۋە ماگنىت قىيسىق بۇلۇڭى(سۇ يۈزى تەكشىلىك ئارا بۇلۇڭى) ئۆلچەپ چىقىلىپ، مەلۇملۇق يىل دەۋرى ئەۋرىشكىسى ئارقىلىق ئىشلەنگەن ماگنىت ئېغىش بۇلۇڭىنىڭ ماگنىت قىيسىق بۇلۇڭىغا قارىتا ئۆلچەملىك ئەگرى سىزىققا قىستۇرۇلسا، ئەۋرىشكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق قىزدۇرۇلغان يىل دەۋرىنى بىلگىلى بولىدۇ.

قەسەم بېرىپ شاھىد بولۇش قانۇنى

  • قەسەم بېرىپ شاھىد بولۇش قانۇنى[يەشمىسى:]» تارىختىكى بىر خىل ئەدلىيە سوت قانۇنى. سوت شاھىدنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىگە قاراپ، ئەيىبكارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەن-ئۆتكۈزمىگەنلىكى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شۇڭا، گۇۋاھلىق سۆزنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن شاھىدنىڭ قەسەم بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، يالغان گۇۋاھلىق مۇقەددەس نەرسىگە ھاقارەت قىلغانلىق بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. قەسەم جىددىي كەيپىياتتا بېرىلىدۇ، بۇ قانۇن ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپادىكى بەزى مىللەتلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان.

قەرزدار قۇل تۈزۈمى

  • قەرزدار قۇل تۈزۈمى[يەشمىسى:]» «قەرزدارلارنى قۇل قىلىش تۈزۈمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەرزنى تۆلەشكە چامىسى يەتمىگەنلىكتىن قۇلغا ئايلانغان ئەمگەكچىلەرنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنىڭ بىر خىل شەكلى. ئىپتىدائىي جەمئىيەت پارچىلانغان دەۋردە پەيدا بولغان. شۇ چاغدا خۇسۇسىي مۈلۈك ۋە باي-كەمبەغەللىك تەكشىسىزلىكى مەيدانغا كەلگەن، دېھقانلار، قول ھۈنەرۋەنلەر ۋە باشقا ئەمگەكچىلەر بايلاردىن قەرز ئېلىپ ۋاقتىدا قەرزنى قايتۇرالمىغاندا، كۆپ ھاللاردا خوتۇن-بالىلىرى ياكى ئۆزى قۇلغا ئايلانغان؛ قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقىنىڭ «خاممۇرابى قانۇنى» (17-ماددا) دا: قەرزدار قۇل ھەقدارنىڭ ئائىلىسىدە ئۈچ يىل ئىشلەپ بېرىش بەلگىلەنگەن. قەرزدار قۇل تۈزۈمى قەدىمكى شەرق مەملىكەتلىرىدە ۋە دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى يۇنان ۋە رىمدا خېلى تارقالغان، قەرزدار قۇللار مۇشۇ مەملىكەتلەردىكى قۇللارنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولغان. تاۋار ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە ئاددىي پۇقرالار كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، مەسىلەن، ئافىنا ۋە رىمدا ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى كۈرىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئارقىسىدا، قەرزدار قۇل تۈزۈمى (ھېچ بولمىغاندا قانۇن جەھەتتە) بىكار قىلىنغان، ئۇنىڭ ئورنىغا يات مىللەتنى قۇل قىلىش ئارقىلىق قۇللۇق تۈزۈم راۋاجلاندۇرۇلغان. قۇللۇق جەمئىيەت يوقالغاندىن كېيىن، قەرزدارنى قۇل قىلىش شەكلى كېيىنكى سىنىپىي جەمئىيەتلەردە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ساقلىنىپ كەلگەن.

قەرزگە ئىشلەپ بېرىش تۈزۈمى

  • قەرزگە ئىشلەپ بېرىش تۈزۈمى[يەشمىسى:]» لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بەزى دۆلەتلەردە قەرز ئىگىسىنىڭ قەرزدار ياللانما ئىشچىلارغا قارىتا قوللانغان بىر خىل مەجبۇرىي ئەمگەك قىلدۇرۇش تۈزۈمى. ئاساسەن، مېكسىكا، گۇاتېمالا، ئېكۋاتور، پېرو قاتارلىق جايلاردا ئەۋج ئالغان. بۇ تۈزۈمگە ئاساسەن، خوجايىندىن پۇل ياكى ماددىي نەرسىلەرنى قەرز ئېلىپ، قايتۇرۇش ئىقتىدارى بولمىغان ئىندىئانلار بىلەن ئارىلاشما قانلىقلار ئىنتايىن تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن ئېغىر ئەمگەك قىلىپ بېرىشنى ئۈستىگە ئېلىشىغا مەجبۇر بولغان. ئۇلار ئادەتتە قەرز تۆلەشكە ئامالسىز قېلىپ، ئۆمۈرۋايەتلىك قەرزدار بولۇپ، يەرگە باغلىنىپ، ئەمگەك قىلىپ بېرىدىغان، ئەمەلىيەتتىكى قۇللارغا ئايلانغان. بۇ تۈزۈم ياللانما ئەمگەك شەكلىنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قۇللۇق تۈزۈمنىڭ بىر خىل شەكلى ئۆزگەرگەن تۈرىدىن ئىبارەت. ⅩⅧ ئەسىردە كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇ كۈنسېرى مۇھىم ئورۇنغا ئۆتكەن. ⅩⅨ ئەسىردە ئىقتىسادىي زىرائەت ئېكىنزارلىقنىڭ ئومۇملىشىشى، ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، داۋاملىق ئەۋج ئالغان. بەزى جايلاردا تاكى ⅩⅩ ئەسىرگىچە ساقلىنىپ كەلگەن.

قەلئە Acropolis

  • قەلئە Acropolis[يەشمىسى:]» قەدىمكى زاماندىكى ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرى (Polis قەلئە) نىڭ قەلئەسى. مۇداپىئەلىنىشكە پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن كۆپىنچە ئېگىز جايلارغا سېلىنغان. بولۇپمۇ قەدىمكى يۇنان دۇنياسىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ، ئافىنا قەلئەسى بۇنىڭ ۋەكىلى. بۇ قەلئە، ئېيتىشلارغا قارىغاندا تېسۇس (Theseus) مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىر ياكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئافىنانى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىلگىرى سېلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، تاغ باغرىغا جايلاشقان، ئېگىزلىكى 46 مېتر، كەڭلىكى تەخمىنەن 152 مېتر، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 351 مېتر كېلىدۇ؛ كېيىن ئافىنا شەھىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، قەلئە ئافىنا شەھىرىنىڭ مەركىزىگە توغرا كەلگەن، قەلئەدە تۇرۇپ پۈتۈن شەھەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. مىلادى-دىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىردە ئافىنانىڭ دېموكراتىك سىياسىي تازا گۈللەنگەن دەۋرىدە كۆپ پۇل سەرپ قىلىش ئارقىلىق، قەلئە دىنىي پائالىيەت مەركىزىي قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان. مەشھۇر ئىمارەتلەردىن پارتىنون ئىبادەتخانىسى، ئېرېكتېئوم (Erechtheum) ئىبادەتخانىسى ۋە قەلئەنىڭ مەركىزىدىكى ئافىنا چوڭ ھەيكىلى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتاقلىق ئۇستىلارنىڭ قولىدىن چىققان. بۇلار قەدىمكى يۇناننىڭ بىناكارلىق-ھەيكەلتىراشلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي بەلكى قۇللۇق تۈزۈم ئاساسىدىكى ئافىنا دۆلىتىنىڭ قۇدرەتلىكلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇيان بۇ ئىمارەتلەر كەينى-كەينىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ھازىرقى ئافىنا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىلا ئۇنىڭ خارابىلىرى قالغان.

قەندىھارا

  • قەندىھارا[يەشمىسى:]» (Gandhara) ھىندىستاندىكى قەدىمكى دۆلەت نامى. ھىندى دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىمىغا جايلاشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئابەند دۆلىتىنى يەڭگەن. ئۇنىڭ پايتەختى تاكسىلا (Taxila، ھازىرقى پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرى) ئەينى زاماندا مۇھىم جاي بولۇپ، ئىلىم-پەن ۋە سودا مەركىزى بولغان. ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر پېرسىيە ۋە ماكېدونىيە — يۇنانلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرغان، غەرب بىلەن شەرقنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا رول ئوينىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ماۋۇريا ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋېلىنغان، كېيىن كۇشان پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان. بۇ رايوندا تەدرىجىي ھالدا ئاتاقلىق قەندىھارا سەنئىتى شەكىللەنگەن.

قەندىھارا سەنئىتى

  • قەندىھارا سەنئىتى[يەشمىسى:]» قەدىمكى ھىندىستاننىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە نەققاشلىق سەنئىتى. تەخمىنەن مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىدە بارلىققا كەلگەن، «يۇنانلاشقان دەۋر» دىن بۇيانقى شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بۇددا ۋە بۇدساتۋالارنىڭ تاش ھەيكىلىنى (دەسلەپكى بۇددا دىنىدا ھەيكەل بولمىغان) يۇناننىڭ سەنئەت ماھارىتى ئارقىلىق ئويۇپ چىقىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن: بۇددانىڭ تاش ھەيكىلى خۇددى يۇناننىڭ قۇياش ئىلاھى ئاپوللوننىڭ ھەيكىلىگە ئوخشاپ قالغان. كىيىمىدىمۇ يۇنانچە پورمىلەر بولغان. ئۇ شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيەتلىرىنىڭ قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇپ، بىرقانچە يۈز يىللار داۋاملاشقان ھەمدە قوشنا ئەللەرگىمۇ خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن.

قەھرىمانلىق دەۋرى

  • قەھرىمانلىق دەۋرى[يەشمىسى:]» گومېر دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى يۇنان ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى يىمىرىلگەن دەۋرگە يەنى، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. دەسلەپتە مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردە ئۆتكەن يۇنان بېئوتىيە( Беотия) شائىرى ھىسسئود (Hesiod) نىڭ «خىزمەت ۋە ۋاقىت » دېگەن داستانىدا تىلغا ئېلىنغان، داستاندا ئىنسانىيەت تارىخى ئالتۇن دەۋرى، كۈمۈش دەۋرى، برونزا دەۋرى، قەھرىمانلىق دەۋرى، تۆمۈر قوراللار دەۋرى دەپ بەش دەۋرگە بۆلۈنگەن. قەھرىمانلىق دەۋرىنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن «گومېر داستانى» ئاساسەن ئەپسانىلەردىكى قەھرىمانلارنىڭ جەڭگىۋار ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. قەھرىمانلىق دەۋرىمۇ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، «بىرىنچى قەھرىمانلىق دەۋرى» يۇنان ئەپسانىلىرى بىلەن رىۋايەتلەردىكى كادموس، گېراكىل، ئوئېدىپۇس قاتارلىق قەھرىمانلارنىڭ پائالىيەت دەۋرى (مېكىناي دەۋرى) نى كۆرسىتىدۇ؛ «ئىككىنچى قەھرىمانلىق دەۋرى» گومېر دەۋرىنى كۆرسىتىدۇ دېگۈچىلەرمۇ بار. «گومېر داستانى» ئەكس ئەتتۈرگەن يۇنان جەمئىيىتى تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە قەدەم قويغان بولۇپ، يەرگە يەنىلا ئومۇم ئىگىدارلىق قىلغان، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش تارمىقى بولغان، قول ھۈنەرۋەنچىلىك دېھقانچىلىقتىن ئايرىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇرۇقداشلىق قەبىلە تۈزۈمى گەرچە ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن يىمىرىلىشكە يۈزلەنگەن، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك، قۇللۇق تۈزۈمى مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇرۇق ئەزالىرى تەدرىجىي ھالدا ئاقسۆڭەك ۋە ئاددىي خەلق دەپ ئىككى سىنىپقا بۆلۈنگەن. دۆلەت ئاپپاراتلىرى تېخى مەيدانغا كەلمىگەن بولۇپ، قەبىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. سىنىپىي جەمئىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىرگىچە تۇنجى تۈركۈم يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى مەيدانغا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن قەھرىمانلىق (گۇمېر) دەۋرى ئاياغلاشقان.

قەھرىمان ۋە قەھرىمانغا چوقۇنۇش

  • قەھرىمان ۋە قەھرىمانغا چوقۇنۇش[يەشمىسى:]» كىتاب ئىسمى. تولۇق ئاتىلىشى «قەھرىمان، قەھرىمانغا چوقۇنۇش ۋە تارىختىكى قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا». ئەنگلىيە تارىخشۇناسى كارلىيلې (Thomas Carlyle) يازغان ئەسەر. بۇ ئاپتورنىڭ 1840-يىلى 5-ئايدا لوندوندا سۆزلىگەن ئالتە قېتىملىق لېكسىيىسىنىڭ توپلىمى بولۇپ، 1841-يىلى نەشىر قىلىنغان. پۈتۈن كىتاب ئالتە لېكسىيىگە بۆلۈنگەن. بىرىنچى لېكسىيىدە شىمالىي ياۋروپا ئەپسانىلىرى مىسال قىلىنىپ، «تەڭرى» سۈپىتىدىكى قەھرىمانلار مەدھىيىلەنگەن؛ ئىككىنچى لېكسىيىدە ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىسال قىلىنىپ، پەيغەمبەر سۈپىتىدىكى قەھرىمانلار مەدھىيىلەنگەن؛ ئۈچىنچى لېكسىيىدە دانتې (Danti)، شېكىسپىر (Шекспир) مىسال قىلىنىپ، شائىر سۈپىتىدىكى قەھرىمانلار مەدھىيىلەنگەن؛ تۆتىنچى لېكسىيىدە مارتىن ليوتېر (Мэртин Лютер) ۋە جون نوكىس (Джон Нокс) مىسال قىلىنىپ، پوپ سۈپىتىدىكى قەھرىمانلار مەدھىيىلەنگەن؛ بەشىنچى لېكسىيىدە جونسون ( Джон сон )، بېرىنىس (Бернс) ۋە روسسو (Руссо) مىسال قىلىنىپ، يازغۇچى سۈپىتىدىكى قەھرىمانلار مەدھىيىلەنگەن؛ ئالتىنچى لېكسىيىدە كرومۋېل (Кромвел)، ناپولېئون (Нэполеон) مىسال قىلىنىپ، ھەربىي باش قوماندان ياكى ھۆكۈمران سۈپىتىدىكى قەھرىمانلار مەدھىيىلەنگەن. مەركىزىي نۇقتىسى «قەھرىمانلار بىلەن قارا خەلق» نەزەرىيىسىنى كۆككە كۆتۈرۈش بولۇپ، دۇنيا تارىخى كاتتا شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالىدىنلا ئىبارەت، خەلق ئاممىسى ئەرزىمەس قاغا-قۇزغۇنلار توپى، دەپ ھېسابلىغان. بۇنداق قەھرىمانلىق تارىخىي قارىشىنىڭ غەرب تارىخشۇناسلىقىدىكى تەسىرى ناھايىتى زور. بۇ ئەسەرنىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بار.

قوۋم

  • قوۋم[يەشمىسى:]» بىر ئاتا جەمەت ئەجدادلىرىنىڭ بىرقانچە قان قېرىنداش تارماقلىرىدىن ئۇيۇشقان ئۇرۇق-تۇغقانلار گۇرۇھى. قەدىمكىلەر «ئاتىسى بولغان بىر گۇرۇھنى قوۋم» دېگەن. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئاتا جەمەت ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى مەزگىلى (ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى) دە پەيدا بولغان. دەسلەپ بىر ئاتا-بوۋىلارنىڭ بىرقانچە بىۋاسىتە ئاتىلىق ھوقۇق تۈزۈمىدىكى ئائىلىلەردە تەشكىللەنگەن، كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە ئۇرۇق-تۇغقانلار ئىچىگە كېڭەيگەن. قوۋمنىڭ ئورتاق فامىلىسى، ئىسمى(ئادەتتە ئۆز ئەجدادلىرى ئىچىدىكى مۇھىم بىر ئادەمنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان) ھەمدە ئورتاق نەزىر-چىراغ مۇراسىمى، قائىدە-يوسۇنى ۋە يەرلىكى قاتارلىقلار بار. بىرەر قوۋم تۇرغان جاي كۆپىنچە كەنت بولغاچقا مۇئەييەن ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئىگە بولغان. دەسلەپكى چاغلاردا يەرگە كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىق قىلىپ تېرىقچىلىق قىلغان، كېيىن تېرىقچىلىق قىلىدىغان يەرلەر ھەربىر ئائىلىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەنئەنىلەر قۇللۇق جەمئىيەت ۋە فېئوداللىق جەمئىيەتتە «پاترىئارخاللىق تۈزۈم» ۋە سىستېمىلىق بولغان (ئۇرۇقداشلىق ھاكىمىيىتى) گە ئۆزگىرىپ، قۇللۇق جەمئىيەت ۋە فېئوداللىق جەمئىيەت ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان.

قوۋم سىرتىدا نىكاھلىنىش

  • قوۋم سىرتىدا نىكاھلىنىش[يەشمىسى:]»يەنى ئۇرۇق سىرتىدا نىكاھلىنىش. ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدىكى نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي شەكلى ۋە تۈپ پرىنسىپى. بۇ پرىنسىپ بويىچە ئۇرۇق ئەزاسى ئۇرۇقنىڭ ئىچكى قىسمىدا نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ، بەلكى پەقەت شۇ قەبىلە (گاھىدا باشقا قەبىلە) دىكى باشقا ئۇرۇقنىڭ ئەزاسى بىلەن نىكاھلىنىشقىلا بولىدۇ؛ يەنى ئۇرۇق سىرتىدا نىكاھلىنىش يولغا قويۇلغان. ئۇرۇق سىرتىدا نىكاھلىنىش ئۇرۇق شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شۇنداقلا ئۇرۇقنىڭ ئاساسىي ئالامىتى بولۇپ، ئۇرۇقنى نەسەبى (دەسلىپىدە ئانىلىق نەسەب، كېيىنچە ئاتىلىق نەسەب) ئېنىق بولغان قانداشلىق گۇرۇھىغا ئايلاندۇرغان، شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە زور دەرىجىدە پايدىلىق بولغان. ئۇرۇق سىرتىدا نىكاھلىنىش ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمنىڭ ماھىيىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ ھەمدە ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمنىڭ بېشىدىنئاخىرىغىچە مەۋجۇت بولغان، ئۇ توپ نىكاھلىنىشتىن باشلانغان. توپ نىكاھلىنىشتىن كېيىنكى بىر جۈپ بولۇپ نىكاھلىنىش ۋە بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك باسقۇچىدىمۇ، ئۇرۇق سىرتىدا نىكاھلىنىش يولغا قويۇلغان.

قوۋم ئىچىدە نىكاھلىنىش

  • قوۋم ئىچىدە نىكاھلىنىش[يەشمىسى:]» يەنى قەبىلە ئىچىدە نىكاھلىنىش. ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدە بىر قەبىلىنىڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى ئۇرۇقلار ئارا نىكاھلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇرۇق سىرتىدا نىكاھلىنىش بىلەن قەبىلە ئىچىدە نىكاھلىنىشنىڭ مەنىسى ئوخشاش بولۇپ،ئىچى-سىرتى دەپ ئاتاش، پەقەت ئۇرۇق بىلەن قەبىلىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دائىرىسىگىلا قارىتىلىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە، پەقەت ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىدىن بۇرۇنقى قان-قېرىنداشلار نىكاھلانغان ئائىلىدىلا، گۇرۇھ ئىچىدە نىكاھلىنىش يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىدا ئۇرۇق ئىچىدە نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنغان. ئەنگلىيىلىك ئالىم مكلېننان «ئۇرۇق ئىچىدە نىكاھلىنىش» دېگەن ئاتالغۇنى بىرىنچى قېتىم قوللىنىپ، ئىپتىدائىي قەبىلىلەرنى «سىرتىدا نىكاھلىنىدىغان» قەبىلە بىلەن «ئىچىدە نىكاھلىنىدىغان» قەبىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلگەن. ئىلىم-پەن بۇنداق بۆلۈشنىڭ ھېچقانداق ئاساسىي يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. «قوۋم سىرتىدا نىكاھلىنىش» قا قاراڭ.

قوبراق

  • قوبراق[يەشمىسى:]» ئەنگلىيىدىكى فېئوداللارغا بېقىندى دېھقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئازغىنە ئۈلۈشلۈك يېرى بولغان. ئەنگلىيە كورۇلى ۋىليام (ئىستېلاچى) 1086-يىلى تۈزدۈرگەن «مەشھۇر گاھ» دا، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئورنىنى ۋىللان بىلەن كەپىلىك دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا دەپ بەلگىلەنگەن.Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ئۇلار ئەنگلىيە دېھقانلىرىنىڭ 3/1 قىسمىنى تەشكىل قىلغان، كېيىن كۆپ قىسمى ۋىللانلارغا ئايلىنىپ كەتكەن.

قودراباس

  • قودراباس[يەشمىسى:]» تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىكى گرېتسىيە پومېشچىكلىرىنىڭ ئاتىلىشى. ئۇلار يەرلىك ھوقۇقلارنى كونترول قىلىپ، يېزىلاردا تۈركىيە دائىرىلىرىگە ۋەكالىتەن باج-سېلىقلارنى چاچقان ۋە يىغقان. تۈركىيىنىڭ تەسىر كۈچى گرېتسىيىدە بارا-بارا ئاجىزلاشقاندا، ئۇلار زور مىقداردىكى يەر-مۈلۈكلەرنى ئىگىلىۋېلىپ، سىياسىي تەسىرى كۈنسېرى زورايغان. 1821-يىلقى گرېتسىيىنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشى پارتلاشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى چوڭراق جەمەتلەر ئەمەلىيەتتە پېلوپوننېسوسنىڭ كەڭ رايونلىرىنى كونترول قىلىپ بولغان، ئۇلار دېھقانلارنى تۈركىيە فېوداللىرىغا ئوخشاشلا بۇلاپتالاپ ۋە ئېزىپ گرېتسىيە ئاھالىلىرىنىڭ نەپرىتىنى قوزغاپ، «خرىستىئان تۈركلىرى» دەپ نام ئالغان. تۈركىيە گرېتسىيە خەلقىنىڭ قارشىلىق كۈرەشلىرىنى باستۇرغان چاغدا، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆزلىرىنىڭ ئىمتىيازىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن. 1821 — 1829-يىللاردىكى مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ئىنقىلابىي سەپتىكى دېموكراتىك كۈچلەرنى يېتىم قالدۇرۇشقا كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشقان. گرېتسىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئۇزۇن مۇددەتكىچە دۆلەتنىڭ سىياسىتى ۋە ئىگىلىكىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، دېموكراتىك ھەرىكەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇلۇق قىلغان.

قورامىغا يېتىش مۇراسىمى

  • قورامىغا يېتىش مۇراسىمى[يەشمىسى:]» «تەشكىلاتقا كىرىش مۇراسىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئەر ياش ئۆسمۈرلەر يېتىلگەنلەر ياكى ياشلار تەشكىلاتىغا (ئەسكەرلەر سېپى) كىرگەندە، دائىم ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغان بىر خىل مۇراسىم. ئادەتتە، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي، ئەقلىي كۈچى ۋە ھەربىي ئىشلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش روھى جەھەتتىكى بىر قاتار قاتتىق سىناق (ئالايلۇق، قامچىلاش، كۈچ سىنىشىش، ئېغىز-بۇرۇنغا ئۇرۇش، بەدەننى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈش، ھەتتا ئوغرىلىق قىلىش قاتارلىقلار) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىناقتىن ئۆتكەنلەرگە ئۇرۇقداشلىق قەبىلىسىنىڭ رەسمىي ئەزاسى ياكى ئەسكىرى دېگەن سالاھىيەت بېرىلىدۇ. بۇنداق ئادەت سىنىپىي جەمئىيەتتە ۋە يېقىنقى زاماندىكى قالاق قەبىلىلەردە، ئالايلۇق، قەدىمكى سپارتالىقلار (Sparta) ۋە يېقىنقى زاماندىكى ئاۋسترالىيە قىتئەسىدىكى بەزى يەرلىك قەبىلىلەردە ساقلىنىپ قالغان.

قورۇق

  • قورۇق[يەشمىسى:]» ياپونىيە كائىكا ئىسلاھاتىدىن ئىلگىرىكى يەر مۈلۈكچىلىكىنىڭ ئاساسىي شەكلى. ئەسلىدە شال يىغىدىغان ھۆكۈمەت ئامبىرى دېگەن مەنىدە بولۇپ، كېيىن خان ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق تېرىلغۇ يەر، قارام دېھقانلار ۋە سۇغىرىش ئىنشائاتلىرىنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇغا ئايلانغان. مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن Ⅴ ئەسىرگىچە تېرىقچىلىق تەشكىلاتى ۋە سىرتتىن كەلگەن تېخنىك خادىملارنى ئىشلىتىپ خېنىي تۈزلەڭلىكىدە (ھازىرقى ئوساكا ۋىلايىتى) بوز يەر ئاچقان. ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرى تېرىقچىلىق تەشكىلاتى گۇرۇھىنىڭ باشلىقلىرىدىن تەيىنلەنگەن. پايتەخت ئەتراپىدىن باشقا جايلاردىمۇ قورۇقلار تەسىس قىلىنغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يەنە ھەربىي بازا خاراكتېرىنىمۇ ئالغان. خان ئوردىسى يەنە ئاقسۆڭەكلەر ۋە يەرلىك بايلارنىڭ ئېتىزلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، قورۇق قىلىپ كېڭەيتكەن.Ⅵئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، يەرلىك بەگلەر ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى قورۇق باشلىقى قىلىپ ئەۋەتكەن. 569-يىلى قورۇق باشلىقلىرىنى كېبېي بەيجۇ قورۇقىغا ئەۋەتىپ، قورۇقلارنىڭ تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىپ، قورۇقلار خان ئوردىسىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈلگەن. تائىكا ئىسلاھاتىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

قورۇق بېگى

  • قورۇق بېگى[يەشمىسى:]» ياپونىيىدە قەدىمكى زاماندا قورۇق باشقۇرىدىغان ئەمەلدار، قورۇق خوجايىنىنىڭ گۇماشتىسى. ئۇلارنى زېمىندارلار تەيىنلىگەن ياكى يەرلىك مۇشتۇمزورلاردىن تاللاپ ئىشلىتىلگەن، باشقۇرۇش، باج-سېلىق يىغىش ۋە ئىچكى-سىرتقى ئامانلىقنى ساقلاشقا مەسئۇل بولغان. نامى ۋە خىزمەت ھوقۇقى دەۋرى ۋە پومېشچىك زېمىندارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە قاراپ، ئوخشاش بولمىغان. قورۇق تۈزۈمىنىڭ دەسلىپىدە يەر ۋەكالەتچىسى، قورۇق باشقۇرغۇچىسى، قورۇق باشلىقى دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان، خېئان دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قورۇق باشلىقى دەپ، ئوتتۇرا مەزگىلىدە باش نازارەتچى، ياردەمچى باشقۇرغۇچى، قورۇق باشقۇرغۇچى دەپ ئاتالغان. كېيىنكى مەزگىلىدە مۇئاۋىن باشقۇرغۇچى دەپ ئاتالغان. كېيىن ئېكسپىلاتاتسىيە كىرىمىدىنمۇ بەھرىمەن بولۇپ، مال-مۈلۈك ۋە ئاتاق-ئابرويلۇقلاردىن بولۇپ قالغان.

قوش بەگلىكى

  • قوش بەگلىكى[يەشمىسى:]» يەنى «نۇبىيە».

قوش كېمىلىك ئەترەت تۈزۈمى

  • قوش كېمىلىك ئەترەت تۈزۈمى[يەشمىسى:]» (ⅩⅥ ئەسىردىن ⅩⅧ ئەسىرگىچە ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەرگە قارىتا يۈرگۈزگەن سودا مونوپول تۈزۈمى. 1543-يىلى قۇرۇلغان. 1561-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇشقا باشلىغان. ھەر يىلى ئىككى كېمە ئەترىتى مېتروپولىيە بىلەن مۇستەملىكە ئارىلىقىدا بېرىپ كېلىپ قاتناپ سودا قىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. بىرىنچى كېمە ئەترىتى سودا كېمىسى ھەم ئۇرۇش كېمىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، باھاردا سېۋېرىيە (1717-يىلىدىن كېيىن گادىسقا ئۆزگەرگەن) دىن ئايرىلىپ، ئالدى بىلەن سان-دومىنگوغا بېرىپ، ئاندىن كېيىن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ۋېراكروسقا بارغان ھەمدە كۇبا قاتارلىق جايلارغا كېمە ئەۋەتكەن، كېمە ئەترىتى ئاساسەن كارايىب دېڭىز رايونى بىلەن سودا-سېتىق ئېلىپ بارغان، ئىككىنچى كېمە ئەترىتى يازدا سېۋېرىيىدىن يولغا چىقىپ، كارتاگېنا ۋە پۇئېرتو پورتىغا بېرىپ، ئاندىن قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق پېرو ھەمدە ئۇنىڭ ئىچكىرىسىدىكى رايونلار بىلەن سودا-سېتىق قىلغان، بۇ كېمە ئەترىتى ئاساسەن ئىسپانىيىگە قارام جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ئورناتقان. ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى كېمە ئەترىتى ھاۋانادا ئۇچرىشىپ، ئىسپانىيىگە بىرلىكتە قايتقان. بۇ خىل تۈزۈم ئارقىلىق ئىسپانىيە مۇستەملىكە ئەللەرنىڭ سودا-سېتىقىنى تىزگىنلەپ، مۇستەملىكە ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچراتقان. 1748-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

قوشما شتات تۈزۈمىنى كۆزلىگۈچىلەر جەمئىيىتى

  • قوشما شتات تۈزۈمىنى كۆزلىگۈچىلەر جەمئىيىتى[يەشمىسى:]» رومىنىيە مىللەتچىلىك ھەرىكىتى تەشكىلاتى. 1839-يىلى قۇرۇلغان. باش مىراخور رادۇ لېئونتې(Radu Leonte) رەھبەرلىك قىلغان. ئۇنىڭ مەقسىتى مولدوۋا، رومىنىيە ۋە سېربىيىلەردىن گېرمانىيە ئىتتىپاقى تىپىدىكى، ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر تەرىپىدىن مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان قوشما شتاتلىق دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان. بۇ ھەرىكەت رومىنىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىرى قولغا ئېلىنغان.

قوشما شتات ساداقەتلىك قانۇنى

  • قوشما شتات ساداقەتلىك قانۇنى[يەشمىسى:]» ئامېرىكىنىڭ خەلققە قارشى قانۇنى. 1947-يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى تروممىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. بۇ قانۇندا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى، قوشما شتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىر مىليون 900 مىڭ نەپەر ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سادىق ياكى سادىق ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقى ھەمدە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە سادىق بولۇش ھەققىدە قەسەم بېرىشى لازىملىقى، ئەگەر سادىق ئەمەسلىكى سېزىلسە، خىزمەتتىن چىقىرىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، زور تۈركۈم كوممۇنىستلار ۋە ئىلغار كىشىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.

قوشما شتاتلار پارتىيىسى

  • قوشما شتاتلار پارتىيىسى[يەشمىسى:]» ئامېرىكىدىكى چوڭ بۇرژۇئازىيە، ئېكىنزارلىق قۇلدارلىرىغا ۋەكىللىك قىلغان سىياسىي گۇرۇھ. قوشما شتات ئاساسىي قانۇنىنى ھىمايە قىلىش ئارقىلىق نام ئالغان. 1787-يىلى قۇرۇلغان. ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ھەرىكىتىدە ھامىلتون، جون ئادامىس، جون جاي (John Jay، 1745 — 1829) قاتارلىق كىشىلەرنىڭ باشچىلىقىدا، تەدرىجىي شەكىللەنگەن. بۇ پارتىيە سىياسىي جەھەتتە، قوشما شتات ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىشنى قۇۋۋەتلەپ، دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە، مىللىي سانائەتكە ئەھمىيەت بەرمەي، مالىيە قىيىنچىلىقىنى چەت ئەل كاپىتالىدىن پايدىلىنىپ تولدۇرۇشقا ئۇرۇنغان؛ شەرقىي قىسىمنىڭ مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىپ، شەرقىي قىسىمنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇشنى كۆزلەپ، غەربىي قىسىمغا ئاھالە كۆچۈرۈشنى ۋە كېڭىيىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ دۆلەت بانكىسىنى قۇرۇپ، پۇل تۈزۈمىنى تەرتىپكە سالغان، ۋەھاكازالار. دىپلوماتىك سىياسەتتە ئەنگلىيىگە مايىل بولغان. بۇ پارتىيە جون ئادامىس زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە، بىر مەھەل راۋاج تاپقان بولسىمۇ، ئەمما كېيىن زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. 1820-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە پارچىلىنىپ كەتكەن. بۇ پارتىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ تەكتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

قوشنىلار كېپىللىك تۈزۈمى

  • قوشنىلار كېپىللىك تۈزۈمى[يەشمىسى:]» چاۋشيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدە يولغا قويۇلغان خەلق ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشتىكى بىر خىل يەرلىك تۈزۈم. 1407-يىلى (تەيزۇڭنىڭ 7-يىلى) دىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. كېيىن بەش ئائىلىنى چېتىپ باشقۇرۇش قانۇنىغا ئۆزگەرتىلگەن ھەمدە «ئەلنى باشقۇرۇش بۈيۈك قانۇنلىرى»غا كىرگۈزۈلگەن.

قوشۇمچە ياردەم فوندى شەرتنامىسى

  • قوشۇمچە ياردەم فوندى شەرتنامىسى[يەشمىسى:]» ھەربىي خىراجەت تولۇقلىما فوندى تۈزۈمى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستان بەگلىكلىرىنى مۇستەقىللىكتىن مەھرۇم قىلىشتىكى بىر خىل ۋاسىتىسى. ئۇنى فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئەڭ بالدۇر قوللانغان، ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن تارتىپ ئەنگلىيە قوللانغان. ئەنگلىيە ھىندىستان بەگلىكلىرىنى شەرتنامە تۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان، ئۇنىڭ مەزمۇنى بەگلىكلەردىكى ۋاڭ-گۇڭلار ئەنگلىيىنىڭ ئەمەلدار تۇرغۇزۇشنى قوبۇل قىلىش، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تاشقى سىياسىتىدىن ۋاز كېچىش، تۇرۇشلۇق ئەمەلدارنىڭ رۇخسىتىسىز، ھېچقانداق چەت ئەل ۋە باشقا قوشنا بەگلىكلەر بىلەن ئالاقە باغلىماسلىق؛ فرانسىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلماسلىق؛ بەگلىكلەر ئەنگلىيىنىڭ «قوغداش» نامى بىلەن بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان قوشۇنىغا كۈتۈنۈش خىراجىتى تاپشۇرۇش ياكى بىر قىسىم رايونلارنىڭ باج كىرىمىنى ئەنگلىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئايرىپ بېرىشتىن ئىبارەت. 1765-يىلى كلىۋې ۋە ئودى بەگلىكى ئالدى بىلەن ئىمزا قويغان. 1799-يىلى ئەنگلىيە باش ۋالىيسى ۋېللېسىلېي مىيىسورنىڭ تىپۇ سۇلتانىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ئۇنى كەڭ تۈردە ئومۇملاشتۇرغان، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە پەنجاب، سىند، ئاسسام قاتارلىق جايلاردىن باشقا، قالغان بەگلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى بۇ شەرتنامىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

قوش ئىشغالىيەت رايون

  • قوش ئىشغالىيەت رايون[يەشمىسى:]» ئامېرىكا، ئەنگلىيە دۆلەتلىرىنىڭ گېرمانىيىدىكى بىرلەشمە ئىشغالىيەت رايونى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن «پوتسىدام كېلىشىمى» گە ئاساسەن، يېڭىلگەن گېرمانىيە تۆت ئىشغالىيەت رايونىغا بۆلۈنۈپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا سابىق سوۋېت (شەرقىي قىسمىنى)، ئامېرىكا (غەربىي جەنۇبىي قىسمىنى)، ئەنگلىيە (غەربىي شىمالىي قىسمىنى)، فرانسىيە (غەربىي قىسمىنى) دىن ئىبارەت تۆت دۆلەت باشقۇرغان ھەمدە تۆت دۆلەت باش قوماندانلىرىدىن تەركىب تاپقان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ گېرمانىيىنى ئىدارە قىلىش كومىتېتى قۇرۇلغان. 1946-يىلى 12-ئايدا، ئامېرىكا- ئەنگلىيە بىرلىشىپ ئىشغال قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ھەمدە 1947-يىلى 1-ئايدا «قوش ئىشغالىيەت رايون» نى رەسمىي قۇرغان. 1948-يىلى 2-، 3-ئايلاردا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە لوندون يىغىنى ئېچىپ فرانسىيە ئىشغالىيەت رايونىنى قوشۇپ «ئۈچ دۆلەت ئىشغالىيەت رايونى» قىلىشنى قارار قىلغان. 1949-يىلى 5-ئايدا، ئۈچ دۆلەت ئىشغالىيەت رايونى «گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى تۈپ قانۇنى» (ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇنى) نى ماقۇللىغان. 9-ئايدا، ئۈچ دۆلەت ئىشغالىيەت رايونىدا گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. شۇ يىلى 10-ئايدا، سابىق سوۋېت ئىشغالىيەت رايونىدا گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.

قوغدالغۇچىلار

  • قوغدالغۇچىلار[يەشمىسى:]» قەدىمكى رىمدىكى بىر ئىجتىمائىي تەبىقە. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردىكى «پادىشاھلىق ھاكىمىيەت دەۋرى» دە پەيدا بولغان. ئومۇمەن، ئۇلارنىڭ تولىسى نامراتلىق سەۋەبىدىن سۇنۇپ ئورنى تۆۋەنلەپ كەتكەنلەر بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئۇلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى بولغان، ئاقسۆڭەك «قوغدىغۇچىلار» (Patronus) غا بېقىنىپ، ئۇلارغا «قوغدالغۇچى» (Cliens) بولغان. ئالدىنقىسىدا كېيىنكىسىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بولغان، مەسىلەن، ئۇنىڭ ئورنىدا سوتقا قاتنىشىپ ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىش؛ كېيىنكىسى ئالدىنقىسىدىن ئۈلۈشلۈك يەر ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەپ بېرىش. بۇ ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرلىرىدىكى بىخ ھالىتىدىكى بىر خىل سىنىپىي مۇناسىۋەت بولۇپ، ۋارىسلىق قىلىش ۋە توختام خاراكتېرىگە ئىگە. رىمدا قۇللۇق تۈزۈمدىكى جەمئىيەت شەكىللەنگەندىن كېيىنمۇ بۇنداق مۇناسىۋەت ساقلانغان. «قوغداش تۈزۈمى» گە قاراڭ.

قوغلاپ چىقىرىش قانۇنى

  • قوغلاپ چىقىرىش قانۇنى[يەشمىسى:]» يەنى «ئالاقىنى ئۈزۈش جازاسى».

قولدىن كەتكەن زېمىننى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى

  • قولدىن كەتكەن زېمىننى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى[يەشمىسى:]» رىكونچوستا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ئىسپانچە Reconquista دىن كەلگەن بولۇپ، «قايتا بويسۇندۇرۇش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مىلادى ⅩⅤ — ⅩⅢ ئەسىرلەردە ئىسپانلار بىلەن پورتۇگاللارنىڭ ئەرەبلەرنى قوغلاپ چىقىرىش، قولدىن كەتكەن زېمىننى قايتۇرۇۋېلىش كۈرىشى. 711-يىلى، ئەرەبلەر شىمالىي ئافرىقىدىن جەبىلتارىق بوغۇزى ئارقىلىق ئۆتۈپ، 714-يىلى غەربىي گوتلار پادىشاھلىقىنى يوقاتقان. 718-يىلى، ئاستورىياس رايونىغا چېكىنگەن غەربىي گوتلار بىر قېتىملىق جەڭدە ئەرەبلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئاستورىياس پادىشاھلىقىنى قۇرغان. كېيىن، شىمالىي تاغلىق رايونلىرىدا يەنە ناۋاررا پادىشاھلىقى، لېئۇن پادىشاھلىقى، ئاراگون پادىشاھلىقى ۋە كاستىلىيە پادىشاھلىقىدىن ئىبارەت پادىشاھلىقلار شەكىللەنگەن. بۇ پادىشاھلىقلار بەزىدە بۆلۈنۈپ، بەزىدە بىرلەشكەن ھەمدە ئۈزلۈكسىز ھالدا شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن قولدىن كەتكەن زېمىننى قايتۇرۇۋېلىش كۈرىشى ئېلىپ بارغان. ئاساسىي كۈچى دېھقانلار بىلەن شەھەر پۇقرالىرى بولۇپ، رەھبەرلىك ھوقۇقى كورۇل بىلەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قولىدا بولغان. 1212-يىلى تولوسا (Tolosa) جېڭىدە كاستىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى ئالموھادېس خاندانلىقىنىڭ ئارمىيىسىنى ئېغىر زەخىملەندۈرگەن. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە يېرىم ئارالنىڭ كۆپ قىسمىنى قايتۇرۇۋالغان. 1249 — 1251-يىللىرى پورتۇگالىيە زېمىنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان. 1479-يىلى كاستىلىيە بىلەن ئاراگون بىرلىشىپ، ئىسپانىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 1492-يىلى ئىسپانىيە ئەرەبلەرنىڭ يېرىم ئارالدىكى ئەڭ ئاخىرقى بازىسى گرانادا (Granada)نى ئىشغال قىلىپ، قولدىن كەتكەن يەرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇرغان.

قۇتەيبە

  • قۇتەيبە[يەشمىسى:]» (Qutaybah ibn Muslim، 670 — 715) ئەمرقۇتەيبە (Amir Qutaybah) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئومەييە سۇلالىسى خوراساننىڭ باش ۋالىيسى (704 — 715). مىلادى 705-يىلى توخارىستاننى بويسۇندۇرغان. كېيىن كۆپ قېتىم قوشۇن تارتىپ بۇخارا، سەمەرقەند ۋە خارەزم قاتارلىق جايلارنى ئىستېلا قىلغان؛ بۇددىستلار ۋە ئاتەشپەرەسلەرنىڭ ئىبادەتخانىلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئىستېلا قىلىنغان رايونلاردىكى ئاھالىلەرنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلىغان. 713 — 715-يىللىرى پەرغانە رايونىغا بېسىپ كىرگەن. كېيىن قول ئاستىدىكى سەركەردىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

قۇتقۇزغۇچى ھەرىكىتى

  • قۇتقۇزغۇچى ھەرىكىتى[يەشمىسى:]» كىمبانگۇچىلىق ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بېلگىيىگە قاراشلىق كونگو (ھازىرقى زايىر) خەلقىنىڭ بېلگىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى دىنىي ھەرىكىتى.1921-يىلى كىمبانگۇ ئەيسانىڭ قايتا دۇنياغا كېلىش دىنىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزىنى خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن نېگىرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كەلگەن دەپ، نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ باراۋەر بولۇشىنى، تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلغان. كىمبانگۇ 12 ئەلچىنى تاللاپ جايلارغا دىن تارقىتىشقا ئەۋەتكەن، ئاقساقال، پوپ، مىسسىئونېر دېگەن دىنىي تەبىقىلەرنى ئورناتقان ھەم چېركاۋ سالغان، 1921-يىلى مۇستەملىكىچى دائىرىلەر كىمبانگۇ قاتارلىقلارنى قولغا ئالغان، ئۇلارنىڭ مۇرىتلىرىنى سۈرگۈن قىلغان. 1925 — 1930-يىللىرى ئاشكارا پائالىيىتى چەكلەنگەن. 1939-يىلى سىمون-پېررې مپادى ( PadiPierre M، Simon) بۇ ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلىپ، «نېگىر دىن تارقىتىش جەمئىيىتى» قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن فرانسىيىگە قاراشلىق كونگوغا قېچىپ بېرىپ، داۋاملىق دىن تارقاتقان. 1954-يىلى كىمبانگۇنىڭ ئوغلى دىئانگيېندا (Joseph Diangienda) رەھبەرلىك قىلغان، ئۇ بۇ ھەرىكەتنىڭ ساپ دىنىي خاراكتېرىنى بايان قىلغان، كىشىلەرنى باج تاپشۇرۇش ۋە مۇستەملىكىچى دائىرىلەرگە ھۈرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان. 1959-يىلى قانۇنىي ھەرىكەت دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. زايىر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، مىللىي چېركاۋلا دەپ ئاتالغان.

قۇتلۇق يىگىتلەر

  • قۇتلۇق يىگىتلەر[يەشمىسى:]» چاۋشيەندىكى سىللا بەگلىكىنىڭ خادىم تاللاش تۈزۈمى. بۇ ئىش «ئۈچ پادىشاھلىق تارىخى. سىللا تەزكىرىسى» نىڭ 7-جىلدىدا قەيت قىلىنغان. «پادىشاھ — جىنشىڭۋاڭنىڭ 37-يىلى، ئاقسۆڭەك ياشلىرى ئىچىدىن ئىككى نەپەر كېلىشكەن يىگىتنى تاللاپ چىقىپ، ياساندۇرۇپ، بۇلارنى قۇتلۇق يىگىتلەر دەپ ئاتىغان. ھەرقايسى مۇرىت توپلىغان، بۇلارنى قۇتلۇق يىگىت مۇخلىسلىرى دەپ ئاتىغان. بۇ مائارىپ ئورگىنى، ھەربىي تەشكىلاتى ۋە دىنىي يىغىلىش فۇنكسىيىسىگە ئىگە تەشكىلات بولۇپ، كۇڭزىچىلىق، بۇددىزم ۋە تەرىقەتچىلىك ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلىگەن، چامباشچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگىتىپ، بەدەن چېنىقتۇرغان، ناخشا-ئۇسسۇل، ئويۇن-تاماشا ۋە ساياھەت قىلدۇرۇپ مىجەز-خۇلقىنى تاۋلاش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ پەزىلىتىنى سىناپ، ئىقتىساسلىق خادىملارنى تاللىغان. ئاتاقلىق سەردار سىدۇخەن، جىن يۈشىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قۇتلۇق يىگىتلەردىن كېلىپ چىققان. سىللانىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە بۇ خىل تۈزۈم پەيدىنپەي زەئىپلەشكەن. بىراق بۇ خىل كونا ئادەت ھېلىمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە.

قۇرئان

  • قۇرئان[يەشمىسى:]» ئەرەب تىلىدىكى Kor،an نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. مەنىسى «ئۈنلۈك ئوقۇماق» (قىرائەت قىلماق) دېگەنلىك. ئىسلام دىنىنىڭ كالامى شىرىپى. دەسلەپتە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تەلىماتىنىڭ خاتىرىسى ئىدى. مۇسۇلمانلار ئۇنى ئاللانىڭ كەلىمىلىرى، ئاللانىڭ ئەلچىسى جەبرائىل ئارقىلىق ئاسماندىن مۇھەممەد پەيغەمبەرگە ۋەھىي كەلگەن دەپ ھېسابلايدۇ. تۇنجى خەلىپە ئەبۇبەكرى پەرمان چۈشۈرۈپ يىغىپ رەتلەتكۈزگەن، ئۈچىنچى خەلىپە ئوسماننىڭ ۋاقتىغا كەلگەندە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نۇسخىسى («ئوسمان نۇسخىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تۈزۈپ چىقىلغان، جەمئىي 30 پارە 114 سۈرە، 6200 دىن ئوشۇق ئايەت بار. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: بىردىنبىر ئىلاھ ئاللاغا ئېتىقاد قىلىش؛ بويسۇنۇش، شۈكرى قىلىش، خەير-ساخاۋەت ۋە سەدىقە بېرىشنى تەشەببۇس قىلىش؛ تەقدىرگە ئىشىنىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن دىنىي كوممۇنا ئۈچۈن دىن، سىياسەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، ھەربىي ۋە قانۇنىي تۈزۈم بىلەن قائىدە-نىزاملار بېكىتىپ بېرىلگەن؛ باشقا دىندىكى مۇرىتلار بىلەن بولغان بەس-مۇنازىرىلەر بايان قىلىنغان.

قۇسەي

  • قۇسەي[يەشمىسى:]»(ibи Kilab Qusayy، تەخمىنەن مى-لادى 398 — 480-يىللار) ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ مەككە شەھىرىدىكى قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ باشلىقى. مىلادىⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرەيش قەبىلىسىنى باشلاپ خۇجا قەبىلىسىنىڭ مەككىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. كېيىن يەنە چېچىلىپ كەتكەن قۇرەيش قەبىلىسىدىكىلەرنى يىغىپ مۇقەددەس كەئىبە ئىبادەتخانىسىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشتۇرغان. شۇ ۋەجىدىن ئۇلار «ئىتتىپاقچىلار» دەپ نام ئالغان. مەككە شەھىرىدە ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشى قۇرغان. جەڭ تۇغىنى ئىدارە قىلىش، ئۆشرە-زاكات يىغىش، سۇ مەنبەسىنى باشقۇرۇش ۋە مۇقەددەس كەئىبە ئىبادەتخانىسىنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتۇش قاتارلىق ۋەزىپە-ھوقۇقلارغا ئىگە بولغان. كېيىنچە بۇ ۋەزىپە-ھوقۇقلار قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالىدىغان ئىمتىيازىغا ئايلىنىپ قالغان. قۇسەي ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەۋلادى تەدرىجىي ھالدا بىرقانچە گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتكەن، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەنە شۇ قۇسەينىڭ ئەۋلادى ئىدى.

قۇللار ئاساسىي قانۇنى

  • قۇللار ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:]»«ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 1935-يىلىدىكى تەشكىلىي قانۇنى» غا قارالسۇن.

قۇللار دېڭىزى قىرغىقى

  • قۇللار دېڭىزى قىرغىقى[يەشمىسى:]»تارىخىي يەر نامى. ۋولتا دەرياسى (Volta River) ئېغىزىدىن نىگېر (Niger) دەرياسى ئېغىزىغىچە بولغان غەربىي ئافرىقا دېڭىز قىرغاقلىرى رايونىنى كۆرسىتىدۇ. ⅩⅥ ئەسىردىن ⅩⅨ ئەسىرگىچە غەرب مۇستەملىكىچىلىرى نىگېر قۇللارنى ئېلىپ ساتىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ بىرى بولغان، شۇڭا مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان.

قۇللار سۇلالىسى

  • قۇللار سۇلالىسى[يەشمىسى:]»(1) ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھىندىستان دېھلى سۇلتانلىقىنىڭ تۇنجى سۇلالىسى. 1206-يىلى كور (Ghor ياكى Chur) سۇلالىسىنىڭ دېھلىدا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى ئايبەك (Aibak) ئۆزىنى سۇلتان قىلىپ تىكلەپ، دېھلىنى مەركەز قىلغان شىمالىي ھىندىستاندىكى كەڭ رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئايبەك ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى قۇللاردىن كېلىپ چىققانلىقتىن، تارىختا قۇللار سۇلالىسى دەپ ئاتالغان. بالبان ( Balban-Din ud-Ghiyas) باش ۋەزىر بولغان (1246 — 1266) دا زور قوشۇن تەشكىللەپ، تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن موڭغۇل قوشۇنلىرىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. كېيىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ سۇلتان (1266 — 1286) بولۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملىگەن. 1290-يىلى ھالاچ سۇلالىسى ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن. (2) مىسىر مەملۇكلەر (Mamluk) سۇلالىسى (1250 — 1517) نىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى.

قۇللارنى قويۇپ بېرىش

  • قۇللارنى قويۇپ بېرىش[يەشمىسى:]»يەنى قۇللارنى ئازاد قىلىش. لاتىنچە Liberti، مەنىسى بەلگىلىك ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئېرىشكەن قۇل دېگەنلىك بولىدۇ. قۇللارنى قويۇپ بېرىش تۈزۈمى قەدىمكى زامان جەمئىيىتىدە خېلى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، شەرقتىكى يېڭى بابىلون پادىشاھلىقىدا ۋە قەدىمكى يۇناننىڭ بەزى شەھەر-دۆلەتلىرىدە كۆرۈلگەن. بۇ تۈزۈم رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە ئىمپېرىيە مەزگىلىدە كەڭ ئەۋج ئالغان. رىم قۇللىرى خىزمەت كۆرسەتسە (جەڭدە كۆرسەتكەن خىزمەت، خوجايىنىنى قۇتۇلدۇرۇش، مەخپىي مەلۇمات بېرىش قاتارلىقلار) قويۇپ بېرىلگەن، تۆلەم پۇلى تۆلىسە، گۇماشتا بولسا، مال-مۈلۈككە ئىگە بولسا قويۇپ بېرىلگەن. رەسمىي قويۇپ بېرىش ۋە غەيرىي رەسمىي قويۇپ بېرىش دەپ پەرقلەندۈرۈلگەن. رەسمىي قويۇپ بېرىلگەنلەر ئەركىن ئادەم سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ، پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ئەمما ئادەتتە ئەسلىدىكى خوجايىنىدىن ئايرىلالمىغان، قانۇن جەھەتتە كۆپ ھاللاردا ئەسلى خوجايىنى تەرىپىدىن مۇھاپىزەت قىلىنغان، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ھوقۇقىمۇ چەكلىك بولغان، مەسىلەن: مۇنتىزىم ئارمىيىدە خىزمەت قىلالماسلىق، ئىمپېراتورنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتىدىن باشقا ھاللاردا سىنات ئەزاسى ۋە رىتسار بولالماسلىق قاتارلىقلار؛ قويۇپ بېرىلگەن قۇل ئۆلگەندىن كېيىن، ئەگەر ئۇنىڭ ۋارىسى بولمىسا، توپلىغان مال-مۈلكى بۇرۇنقىدەكلا ئۇنىڭ مۇھاپىزەت قىلغۇچىسىغا تەۋە بولغان. غەيرىي رەسمىي قويۇپ بېرىلگەن قۇلنىڭ ھوقۇقى تېخىمۇ كۆپ چەكلىمىگە ئۇچرىغان. قۇللارنى قويۇپ بېرىش تۈزۈمى قۇللۇق جەمئىيىتى گۈللەنگەن دەۋردە قۇللۇق تۈزۈمى تەرەققىياتىنىڭ ۋە قۇللارنىڭ سىنىپىي كۈرىشىنىڭ نەتىجىسى بولغان؛ قۇللۇق جەمئىيىتى زاۋال تاپقان مەزگىلدە، قۇللۇق تۈزۈمى كرىزىسىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولغان. قۇللارنى قويۇپ بېرىش ماھىيەتتە يەنىلا قۇللۇق تۈزۈم ئېكسپىلاتاتسىيىسىنىڭ بىر خىل شەكلى بولغان. رىم قۇللۇق جەمئىيىتى يىمىرىلگەندىن كېيىن، بۇ تۈزۈم ياۋروپا فېئوداللىق جەمئىيىتىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن.

قۇلۇلە قېپى ئارقىلىق سۈرگۈن قىلىش قانۇنى

  • قۇلۇلە قېپى ئارقىلىق سۈرگۈن قىلىش قانۇنى[يەشمىسى:]» يەنى «ساپال پارچىسى ئارقىلىق سۈرگۈن قىلىش قانۇنى».

قۇلۇلە قېپى دۆۋىلىرى

  • قۇلۇلە قېپى دۆۋىلىرى[يەشمىسى:]»ئارخېئولوگىيىلىك ئىسىم. قەدىمكى زاماندا دېڭىز بويى رايونلىرى ياكى كۆل-دەريا بويلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئىنسانلاردىن قېپقالغان قۇلۇلە قېپى دۆۋىلىرى. بۇنىڭ ئىچىدىن كۆپىنچە يېمەكلىكلەرنىڭ قالدۇقى ھەمدە ساپال قاچا-قۇچا ۋە تاش ئەسۋاب قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلىدۇ. بەزىلىرىگە تېخى ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ جەسەتلىرىمۇ كۆمۈلگەن. قۇلۇلە قېپىنىڭ كالتسىيلىق رولى ئارقىسىدا، ئۇستىخان ۋە مۈڭگۈز قاتارلىقلار ياخشى ساقلانغان. شۇ زامانلاردىكى تەبىئەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى تەقلىدىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە، قۇلۇلە دۆۋىلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كەڭ تارقالغان.

قۇياش تەڭرىسى (ئاپوللون) ھەيكىلى

  • قۇياش تەڭرىسى (ئاپوللون) ھەيكىلى[يەشمىسى:]» رود ئارىلىدىكى (ئىگېي دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) قۇياش ئىلاھى ھەيكەللىرى بولۇپ، قەدىمكى دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى دەپ ئاتالغان. قۇياش تەڭرىسى ھېلوس (Helios) غا قەدىمكى دەۋردە ھەرقايسى جايلاردا كەڭ تۈردە ئېتىقاد قىلىنغان بولۇپ، كۆپلەپ ئىبادەتخانىلار سېلىنىپ، نەزىرچىراغ قىلىنغان. بۇلاردىن رود ئارىلىنىڭ پايتەختى رودېس (Rhodes) تىكى قۇياش تەڭرىسى ئىبادەتخانىسى ھەممىدىن داڭلىق بولۇپ، بۇ يەردە ھەر يىلى تەڭرىگە ئاتاپ بەيگە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، قۇربانلىق (تۆت ئات) تەقدىم قىلىناتتى. ئىبادەتخانىدا قۇياش تەڭرىسى بىلەن ئات ھارۋىسىنىڭ برونزىدىن ياسالغان كاتتا ھەيكىلى بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ھەيكەلنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 34 مېتر بولۇپ، ئىككى پۇتىنىڭ ئارىلىقىدىن يەلكەنلىك كېمە ئۆتەلەيدىكەن. ئۇ يۇنانلىق ھەيكەلتىراش لىسپپوس ياكى ئۇنىڭ شاگىرتى چارېس (Chares) نىڭ ئەسىرى بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان. رودېس تەڭگىسىگە نەقىشلەنگەن قۇياش تەڭرىسىنىڭ باش سۈرىتى (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىر) دىن يەنىلا ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

قىپچاق خانلىقى

  • قىپچاق خانلىقى[يەشمىسى:]»موڭغۇللارنىڭ تۆت چوڭ خاندانلىقىنىڭ بىرى. ئەسلى چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇجىنىڭ سۇيۇرغال يېرى. دەسلەپ ئارال دېڭىزى ۋە كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ رايونلار ئەسلى قىپچاق (Kipchak) قەبىلىسى ئولتۇراقلاشقان يەر بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ھۆكۈمرانلار ئوردىسىنىڭ قۇببىسى ئالتۇن رەڭلىك بولغانلىقتىن ئالتۇن ئوردا خانلىقى دەپمۇ ئاتالغان. جۇجىنىڭ چوڭ ئوغلى باتوخان 1236-يىلدىن باشلاپ غەربتە رۇسلارغا ۋە شەرقىي ياۋروپاغا يۈرۈش قىلغاندىن كېيىن 1242-يىلى ساراينى (Sarai، ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا جايلاشقان) پايتەخت قىلغان. تېررىتورىيىسى شەرقتە ئېرتىش دەرياسى ۋادىسىدىن باشلىنىپ، غەربتە دۇناي دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغىچە، جەنۇبتا كاپكازغىچە، شىمالدا بۈگۈنكى روسىيە ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىدىكى رايونلىرىغىچە سوزۇلغان. باتوخان سىر دەرياسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى رايونلارنى ئىنىسى ئوردونويۇنغا بېرىپ، ئاق ئوردا خانلىقى دەپ ئاتىغان؛ ئارال دېڭىزىنىڭ شىمالىدىن تارتىپ غەربتە ئورال دەرياسىغىچە بولغان رايونلارنى ئىككىنچى ئىنىسى شەيبانغا بېرىپ كۆك ئوردا خانلىقى دەپ ئاتىغان. قىپچاق خانلىقى برىك تەختتىكى مەزگىللىرى (1257 — 1266) موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولغان، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ۋە مىسىر بىلەن بىرلىشىپ ئېل خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغان، يېڭى پايتەخت ساراي برىكنى قۇرغان (ھازىرقى ۋولگاگراد ئەتراپىدا). ⅩⅣ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ فېئوداللارنىڭ ئىچكى قىسمىدا نىزا بولۇپ، سىنىپىي زىددىيەت ۋە مىللىي زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. توختامىش (1377 — 1395-يىللىرىغىچە تەختكە ئولتۇرغان). 1382-يىلى موسكۋاغا ھۇجۇم قىلغان. 1395-يىلى پايتەخت ساراي برىك ۋەيران بولغان. كېيىن بىرقانچە مۇستەقىل خانلىققا بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1480-يىلى موسكۋا كىنەزلىكى قىپچاق خانلىقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان. 1502-يىلى قىپچاق خانلىقى يەنە قىرىم خانلىقى تەرىپىدىن يېڭىلىپ، بارا-بارا يوقالغان.

قىرىم باياناتى

  • قىرىم باياناتى[يەشمىسى:]»تولۇق ئاتىلىشى «ئەنگلىيە، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرىم (يالتا) يىغىنى ئاخباراتى» دېيىلىدۇ. 1945-يىل 2-ئاينىڭ 11-كۈنى يالتا يىغىنىدا ماقۇللانغان ھەمدە 21-كۈنى ئۈچ دۆلەتنىڭ پايتەختلىرىدە ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى: ئۈچ دۆلەتنىڭ فاشىستلار گېرمانىيىسىنى تەلتۆكۈس مەغلۇپ قىلىش ھەربىي پىلانىنى تۈزۈپ چىققانلىقىنى جاكارلاش؛ گېرمانىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، گېرمانىيىنى سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت بىرلىكتە ئىشغال قىلىش ۋە باشقۇرۇش؛ مىلىتارىزم، ناتسىسىزملىق ھەمدە شەكىل ۋە تۈزۈملەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىش؛ ناتسىستلار گېرمانىيىسى ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىنغان ياۋروپا ئەللىرى خەلقلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەت شەكلىنى تاللىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش؛ ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار باشلىقلىرى داۋاملىق يىغىن چاقىرىپ، موناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى كېڭىشىش؛ ئۈچ دۆلەت باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ئومۇمىي خاراكتېرلىك بىر خەلقئارا تەشكىلات (ب د ت) قۇرۇش ھەمدە شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكىنىڭ سان فرانسىسكودا ب د ت يىغىنىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ ئاساسىي نىزامنامىسىنى تۈزۈپ چىقىش؛ شۇنىڭدەك پولشا چېگرىسى مەسىلىسى، پولشا ۋە يۇگوسلاۋىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىل قىلىنىشى مەسىلىلىرىدە كونكرېت كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت.

قىرىم خانلىقى

  • قىرىم خانلىقى[يەشمىسى:]»تاتارلار تەرىپىدى-ن بەرپا قىلىنغان فېئوداللىق دۆلەت قىرىم يېرىم ئارىلى ۋە دون دەرياسى، دېنپېر دەريالىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى رايونلارغا جايلاشقان. ئەسلىدە ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا تەۋە يەر. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئەمەلىيەتتە ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدىن ئايرىلىپ چىققان. تەخمىنەن 1443-يىلى، ھۆكۈمران ھاجى گىراي (Haji Ghiray، 1427 — 1466) ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىن رەسمىي بۆلۈنۈپ چىقىپ، قىرىم خانلىقىنى قۇرغان. باغچە ساراي (Bakhchi Sarai) نى پايتەخت قىلىپ بەلگىلىگەن.1475-يىلى تۈركىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. 1478-يىلى تۈركىيىگە بويسۇنغان. 1480-يىلى قىرىم خانى موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى مەغلۇپ قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. 1502-يىلى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى مۇنقەرز بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركلەر بىلەن بىرلىشىپ موسكۋا كىنەزلىكىگە قارشى تۇرغان.1774-يىلى، روسىيە ئايال پادىشاھى يىكاتىرىنا Ⅱ تۈركىيىنى قىرىم خانلىقىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. 1783-يىلى ئۇنى روسىيە زېمىنىگە قوشۇۋالغان.

قىرىم ئۇرۇشى

  • قىرىم ئۇرۇشى[يەشمىسى:]»شەرق ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.1853 — 1856-يىللىرىدىكى روسىيە بىلەن ئەنگلىيە، فرانسىيە، تۈركىيە، ساردىنىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش. ئاساسلىق جەڭ مەيدانى قىرىم بولغاچقا قىرىم ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى، روسىيە تۈركىيىنى بويسۇندۇرۇپ، قارا دېڭىز بوغۇزىنى تىزگىنلەپ، يېقىن شەرق، بالقانغا چاڭگال سېلىشقا ئۇرۇنۇپ، ئەنگلىيە-فرانسىيە بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي مەنپەئەتتە توقۇنۇشۇپ قالغان. 1853-يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، روسىيە-تۈركىيە چېگرىسى ئىچىدىكى پراۋوسلاۋىيانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، ئەسكەر باشلاپ مولداۋىيە ۋە ۋالاخىيىگە بېسىپ كىرگەن. 10-ئاينىڭ 16-كۈنى تۈركىيە روسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان ھەمدە دۇناي دەرياسى، تاشقى كاپكازدا ھۇجۇمنى قانات يايدۇرغان. 11-ئاينىڭ 30-كۈنى، روسىيە سىنوپ پورتىغا ھۇجۇم قىلىپ، تۈركىيە فلوتىنى يوقاتقان. ئەنگلىيە-فرانسىيە فلوتى قارا دېڭىزغا كىرىپ ئارىلاشقان ھەمدە 1854-يىل 3-ئاينىڭ 17 — 28-كۈنلىرى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ روسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. شۇ يىلى كۈزدە بىرلەشمە ئارمىيە قىرىمدىن قۇرۇقلۇققا چىققان. 1855-يىلى 1-ئايدا ساردىنىيە ئۇرۇشقا قاتناشقان، 9-ئايدا بىرلەشمە ئارمىيە روسىيە دېڭىز ئارمىيىسى بازىسى سېۋاستوپول قورۇلىنى بېسىۋالغان، روسىيە مەغلۇپ بولغان. 1856-يىلى 3-ئايدا «پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى» ئىمزالانغان. روسىيىنىڭ يېقىن شەرقتىكى كېڭەيمىچىلىكى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ھەمدە مەملىكەت ئىچىدىكى يانچىلىق تۈزۈمى كرىزىسى چوڭقۇرلاشقان.

قىرىم يىغىنى

  • قىرىم يىغىنى[يەشمىسى:]» يەنى «يالتا يىغىنى».

قىزلىقىنى ئېلىش ھوقۇقى

  • قىزلىقىنى ئېلىش ھوقۇقى[يەشمىسى:]»قەبىلە باشلىقى ياكى فېئودال خوجىدارلارنىڭ ئۆزىگە قاراشلىق ئۇرۇق ئەزالىرى ياكى يانچىلار تۇرمۇش قۇرغاندا، كېلىننىڭ قىزلىقىنى ئېلىش ئىمتىيازى (ھەممىسىگىلا بۇ ھوقۇقنى قوللانغان ئەمەس). بۇ، توپ نىكاھلىقتىن قالغان كونا ئادەتكە تەۋە بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مىللەتلەردە مەۋجۇت بولغان. ئوتتۇرا ئەسىرلەردە فېئوداللارنىڭ يانچى ئاياللىرىغا قوللانغان بىر خىل ۋەھشىيانە ھەرىكىتى. فرانسىيە، گېرمانىيە، شۋېتسارىيە، شوتلاندىيە قاتارلىق ئەللەردە قانۇن سۈپىتىدە بەلگىلەنگەن. ئىسپانىيە ۋە فرانسىيىدە قىزلىقىنى ئېلىش ھوقۇقىدىن ئىبارەت بۇ خىل قالاق ئادەتكە قارشى تۇرۇش دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئاساسىي تەلىپىنىڭ بىرى بولغان.

قىزىتىلغان راتسىيىگە قاراپ دەۋرگە ھۆكۈم قىلىش

  • قىزىتىلغان راتسىيىگە قاراپ دەۋرگە ھۆكۈم قىلىش[يەشمىسى:]» قەدىمكى ساپال قاچىلارنىڭ كۆيدۈرۈلگەن يىلىنى ئۆلچەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. قىزىتىلغان راتسىيە قاتتىق جىسىمنىڭ توپلانغان ئېنېرگىيىنىڭ قىزىتىلىش ئارقىسىدا رادىئاتسىيىنىڭ تەسىرى بىلەن نۇر قويۇپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. ساپال قاچىغا ئىشلىتىدىغان سېغىز توپىنىڭ ھەممىسىدە ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى تەبىئىي رادىئو-ئاكتىپلىق ئىزوتوپ ئۇران، تورىي ۋە كالىي— 04 (K40) قاتارلىقلار بولىدۇ، ئۇنىڭ يېرىم ئاجىزلىشىش دەۋرى بىر مىليارد يىلغا بارىدۇ، ئۇنى ھەر يىلى مۇقىم مىقداردا تەمىنلەيدىغان تۇراقلىق مىقداردىكى رادىئوئاكتىپ مەنبەسى قىلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساپال قاچىدىكى سېغىز توپىدا مۇۋاپىق مىقداردىكى كۋارتس، دالا شىپاتى قاتارلىق فوسفورلۇق جىسىم بولۇپ، ئۇ رادىئاكسىيە رېئاكتىپىنى خاتىرىلەش ماھارىتىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئىككى خىل ماددا تەڭ مەۋجۇت بولغان ساپال قاچىلاردا، فوسفورلۇق جىسىم شۇ قاچا كۆيدۈرۈلگەندىن بۇيان قوبۇل قىلغان تەبىئىي رادىئاتسىيىنىڭ توپلانغان مىقدارىنى سادىقلىق بىلەن خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. دېمەك، قاچا كۆيدۈرۈپ ياسالغاندىن كېيىن تەبىئىي توپلانغان مىقدار رادىئو ئاكتىپلىق مەنبەسى ھەر يىلى بېرىپ تۇرىدىغان تۇراقلىق مىقدارغا بۆلۈنسىلا، ساپال قاچا ئىشلەنگەن يىلنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. ساپال قاچىدىن باشقا، 500 گرادۇستىن يۇقىرى ھارارەتتە قىزدۇرۇلغان يېپىشقاق توپىدىن ئىشلەنگەن نەرسىلەر، مەسىلەن، خىش، كاھىش، خۇمدان، مىس ۋە تۆمۈر ئەسۋابلارنى قۇيىدىغان قېلىپلارغىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ. تۆتىنچى دەۋردىكى يانار تاغ تاشلىرى ۋە چۆكمىلەرنىڭ يىللىرىنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئۆلچەشكە بولىدۇ. ئۆلچىنىدىغان ئەڭ ئۇزۇن يىل چېكى بىرنەچچە يۈز مىڭ يىل بولىدۇ.

قىزىلبايراق ۋەقەسى

  • قىزىلبايراق ۋەقەسى[يەشمىسى:]» يەنە جىنخۇي سارىيى ۋەقەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياپونىيە مېيجى ھۆكۈمىتىنىڭ سوتسىيالىستلارنى باستۇرۇش ۋەقەسى. 1808-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، ياپونىيىدىكى سوتسىيالىستلار توكيونىڭ كامىتا جىنخۇي سارىيىدا تۈرمىدىن چىققان يولداشلىرىنى قارشى ئېلىش چوڭ يىغىنى ئاچقان. يىغىندىن كېيىن ئۆسۈگې، ئارا خاتاكانمورا قاتارلىق كىشىلەر «ھۆكۈمەتسىز ئومۇم مۈلۈك» دېگەن ئاق خەت يېزىلغان قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلغاندا، ساقچىلارنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. ئۆسۈگې قاتارلىق 15 كىشى قولغا ئېلىنىپ بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

قىزىل تاشلىق خىتابنامە

  • قىزىل تاشلىق خىتابنامە[يەشمىسى:]»1911-يىلىدىكى ئالبانىيە قوزغىلىڭىنىڭ سىياسىي پروگراممىسى. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى قوزغىلاڭچىلار رەھبىرى گېرسا (Gersao، گېرىسېي دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دا يىغىن چاقىرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتىلىدىغان مىمروندام يەنى قىزىل تاشلىق خىتابنامىنى ماقۇللىغان. بۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوزغىلاڭچىلارنى چەكلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تەسلىم بولسا كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پەرمانىغا بەرگەن جاۋاب بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: «ئالبانلارنىڭ ھاياتلىقى ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش»، «ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك مەمۇرىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىغا يول قو-يۇش»، «ئالبانچىنى ھۆكۈمەت تىل يېزىقى دەپ ئېتىراپ قىلىش»، «ئالبان مەكتەپلىرىنى قۇرۇش». بىراق ئۇنىڭدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشىغا قوشۇلغان. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرتلەر كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ كاپالىتى ئاستىدا ئىشقا ئاشقان. قىزىل تاشلىق خىتابنامەⅩⅩئەسىردىكى ئالبانىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى سىياسىي پروگراممىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «1911-يىلىدىكى ئالبانىيە قوزغىلىڭى»غا قارالسۇن.

قىزىل تونلۇق ئېپسكوپ

  • قىزىل تونلۇق ئېپسكوپ[يەشمىسى:]»«كاردىنال» نىڭ جۇڭگودىكى باشقىچە ئاتىلىشى. چۈنكى ئۇلار قىزىل مۇراسىم كىيىمى كىيىپ يۈرگەنلىكتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان.

قىزىل تۇپراق ئەل

  • قىزىل تۇپراق ئەل[يەشمىسى:]» شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت نامى. ئۇنىڭ جۇغراپىيىۋى ئورنى توغرىسىدا پالېمباڭ، مالاككا، سوڭكىلا (Songkla ياكى Singora، مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان) دېگەن قاراشلار بولۇپ، سوڭكىلا دېيىش ئەقىلغا مۇۋاپىقراق ياكى كېداخ (Kedah) بەگلىكىنىڭ باشقىچە تەرجىمە قىلىنىشى دەپمۇ قارىلىدۇ. «سۇينامە. جەنۇبتىكى يات ئەللەر تەزكىرىسى. قىزىل تۇپراق تەزكىرىسى» دە «تۇپرىقى قىزغۇچ بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق نام بېرىلگەن» دېيىلگەن. پايتەختى زىنجىھار شەھىرى. پادىشاھنىڭ فامىلىسى چۈي تەن، ئاھالىسىنىڭ كۆپى كىخمېرلار (Khmer). ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. بۇددا دىنىمۇ تارقالغان. مىلادى 607-يىلى (سۈي سۇلالىسى دايەنىڭ 3-يىلى) جۇڭگو سۈي سۇلالىسىدىن چاڭجۈن، ۋاڭ جۈنجېڭ قىزىل تۇپراق ئېلىگە ئەلچى بولۇپ بارغان. 610-يىلى (سۈي سۇلالىسى دايەنىڭ 6-يىلى) قىزىل تۇپراق ئېلىنىڭ شاھزادىسى ئايىگا چاڭ جۈن قاتارلىقلار بىلەن جۇڭگوغا كېلىپ جاۋابەن زىيارەتتە بولغان. Ⅸ ئەسىردىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولۇپ «كونا تاڭنامە. جۇغراپىيە تەزكىرىسى» دىمۇ قەيت قىلىنغان.

قىزىل جەڭچىلەر ئىتتىپاقى

  • قىزىل جەڭچىلەر ئىتتىپاقى[يەشمىسى:]» گېرمانىيە پرولېتارىياتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۆزىنى قوغداش تەشكىلاتى. 1924-يىلى تېلىماننىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان. 1927-يىلى ئۇنىڭ ئەزالىرى 100 مىڭ كىشىگە يەتكەن. ئۇ ئەكسىيەتچى كۈچلەرگە قارشى كۈرەش داۋامىدا ئىشچىلار ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە ئىشچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى جەڭگىۋار تەشكىلاتقا ئايلانغان. 1926-يىلى بېرلىن، 1928-يىلى لېيپىسگ قاتارلىق جايلاردا داغدۇغىلىق نامايىش قىلىپ، ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرغان. 1929-يىلى ماي ۋەقەسىدىن كېيىن، ئەكسىيەتچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەقىپ قىلىنىپ، مەخپىي كۈرەشكە كۆچكەن، 1933-يىلدىن كېيىن پائالىيەتتىن توختىغان.

قىزىل جۈمە

  • قىزىل جۈمە[يەشمىسى:]» (1) ۋېنگرىيە ئىشچىلار سىنىپى ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نامايىش ئېلىپ بارغان كۈن. 1905-يىل 9-ئاينىڭ 15-كۈنى (جۈمە كۈنى)، بۇداپېشت ئىشچىلىرى ۋېنگرىيە پارلامېنتى چاقىرىلىش ھارپىسىدا نامايىش ئېلىپ بارغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ قېتىمقى نامايىشقا 150 مىڭ كىشى قاتنىشىپ، سايلام تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلغان، بىراق نامايىش باستۇرۇۋېتىلگەن. 1907-يىلى، ۋېنگرىيە پارلامېنتى سايلام قانۇن لايىھىسىنى ئېلان قىلىپ، مۈلۈكدارلارنىڭ 2 — 3 ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بارلىقىنى بەلگىلىگەن، %65 پۇقرالار سايلام ھوقۇقىغا ئىگە بولالمىغان، بۇ ئىش كەڭ ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. شۇ يىلى11-ئايدا، پايتەخت ئىشچىلىرى يەنە بىر نۆۋەت «قىزىل جۈمە» نامايىشى ئېلىپ بارغان، بىرىنچى قېتىملىقىغا قارىغاندا كۆلىمى تېخىمۇ زور بولغان ئېتىراز بىلدۈرۈش دولقۇنىنى قوزغىغان. سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ئوڭچى يولباشچىلىرىنىڭ ساتقۇنلۇقى تۈپەيلىدىن نامايىش ئەكسىيەتچى ئارمىيە-ساقچىلار تەرىپىدىن ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرۇۋېتىلگەن. (2) ئەنگلىيە ھازىرقى زامان تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئىش تاشلاش ۋەقەسى بولۇپ،1926-يىلىدىكى ئومۇمىي ئىش تاشلاشنىڭ بېشارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى ئەنگلىيە سودا-سانائىتى خارابلىشىپ، ئىشسىزلارنىڭ سانى تېز كۆپەيگەن، سىياسىي ۋەزىيەت داۋالغۇش ئىچىدە قالغان. 1925-يىلى ئەنگلىيە كۆمۈر سانائىتى گېرمانىيە كۆمۈر سانائىتى رىقابىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كرىزىس يۈز بەرگەن. كۆمۈر سانائىتى كاپىتالىستلىرى كان ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى كېمەيتىپ، ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ھەمدە ئىتتىپاق بويىچە تىجارەتنى توختىتىش ئارقىلىق ئىشچىلار سىنىپىغا تەھدىت سالغان. 7-ئاينىڭ 31-كۈنى (جۈمە كۈنى) كۆمۈر كان، ترانسپورت ۋە تۆمۈريول ئىشچىلىرى «ئۈچ بۇرجەكلىك ئىتتىپاقى» ئىش تاشلاپ، ئۇلارغا قايتۇرما زەربە بەرگەن. بالدۋىن (Baldwin) ھۆكۈمىتى باستۇرۇش تەييارلىقىنى ئىشلەپ بولالمىغاچقا، ئىشچىلارنىڭ توققۇز ئايلىق ئىش ھەققىنى تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت كان خوجايىنلىرىغا ياردەم پۇلى ئاجرىتىپ بېرىشنى بەلگىلەش بىلەن، بۇ قېتىمقى توقۇنۇشنى پەسەيتكەن. ئەنگلىيە ئىشچىلىرى شۇنىڭدىن كېيىن 7-ئاينىڭ 31-كۈنىنى قىزىل جۈمە دەپ ئاتىغان.

قىزىل رور قوشۇنى

  • قىزىل رور قوشۇنى[يەشمىسى:]»گېرمانىيە رور ئىشچىلىرىنىڭ كاپ (Kapp) توپىلىڭىغا قارشى كۈرەش داۋامىدا تەشكىللەنگەن قوراللىق ئەترىتى. 1920-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، گېرمانىيىدە ئىمپېرىيە تۈزۈمىنى تىرىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان كاپ توپىلىڭى يۈز بەرگەن، ھەرقايسى جايلاردىكى ئىشچىلار تەرەپ-تەرەپتىن ئومۇمىي ئىش تاشلاپ، ئۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بەرگەن. رور رايونى ئىشچىلىرى گېرمانىيە كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە تەخمىنەن 150 — 200 مىڭ كىشىلىك «قىزىل رور قوشۇنى» تەشكىللەپ، توپىلاڭچىلارغا قارشى قوراللىق كۈرەش قىلغان. كاپ توپىلىڭى تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، «قىزىل رور قوشۇنى» ئىچىدىكى سوتسىيال دېموكرات ئۇنسۇرلار كوممۇنىستلارغا بىلدۈرمەي ھۆكۈمەت بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، قوشۇننىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىغان.

قىزىل كۆڭلەكلىكلەر پارتىيىسى

  • قىزىل كۆڭلەكلىكلەر پارتىيىسى[يەشمىسى:]» ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال چېگرا ئۆلكىسىدىكى پاكتونلارنىڭ پىدائىيلار قوشۇنى. 1929-يىلىنىڭ ئاخىرى قۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ فورما كىيىمى دەسلەپ ئاق بولۇپ، كېيىن قىزىلغا بويالغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. يەنە «ئاللانىڭ بەندىلىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پاكتونلارنىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، مۇستەملىكە دائىرىلىرىگە قارشى تەشكىللىك كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ئەمگەكچىلەر ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى تەشەببۇس قىلغان. گەندىنىڭ زوراۋانلىقتىن خالى تەلىماتىغا ئەمەل قىلغان. ئەزالىرىنىڭ كۆپى دېھقانلار بىلەن قول ھۈنەرۋەنلەر ئىدى. رەھبىرى ئابدۇل غاففارخان (Abdul Ghffarkhan، 1891 — ). 1931-يىلى خەلق كونگرېسىغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭغا قارام تەشكىلات بولغان. 1947-يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈپ باشقۇرۇلغاندا، ھىندىستاننىڭ غەربىي چېگرا ئۆلكىلىرى پاكىستانغا تەۋە بولغان. 1957-يىلى بۇ پارتىيە باشقا پارتىيە-گۇرۇھلار بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن.

قىزىلكۆڭلەكلىكلەر قوشۇنى

  • قىزىلكۆڭلەكلىكلەر قوشۇنى[يەشمىسى:]» مىڭ كىشىلىك پىدائىيلار قوشۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىتالىيىدە گارىبالدى تەشكىللىگەن پىدائىيلار قوشۇنى. بۇ قوشۇن قىزىل كۆڭلەك كىيگەنلىكتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1860-يىلى 4-ئايدا سىتسىلىيىدە بوربۇن خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ پارتلاپ، گارىبالدى پېمونتدا پىدائىيلار قوشۇنىنى تەشكىل قىلغان. بۇنىڭغا شىمالىي ئىتالىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن سىتودېنتلار، ئەركىن كەسىپتىكىلەر، سودىگەرلەر ۋە باشقا ئەمگەكچىلەردىن بولۇپ جەمئىي 1100 دىن كۆپرەك كىشى قاتناشقان. 5-ئاينىڭ 5-كۈنى گېنويىنىڭ كۇئارتو (Quarto) دېگەن يېرىدىن يولغا چىقىپ، ئالتە كۈندىن كېيىن ستسىلىيە ئارىلىنىڭ غەربىي بۇرجىكىدىكى مارسالا (Marsala) دىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، يەرلىك قوزغىلاڭچى دېھقانلار بىلەن بىرلىشىپ، 7-ئايدا سىتسىلىيە ئارىلىنى ئازاد قىلغان. 8-ئايدا دېڭىزدىن ئۆتۈپ مېلىتو (Melito) دىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، نېئاپولغا يۈرۈش قىلغان، 9-ئاينىڭ بېشىدا پادىشاھ فېرىدىناند Ⅱ قاچقان، ناپلېس ئازاد قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ، گارىبالدى قوماندانلىقى ئاستىدىكى ئارمىيىنىڭ ئومۇمىي نامىغا ئايلىنىپ قالغان.

قىزىل گۋاردىيە

  • قىزىل گۋاردىيە[يەشمىسى:]»روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابى ۋە سوۋېت روسىيىسى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بولشېۋىكلار پارتىيىسى رەھبەرلىك قىلغان ئىشچىلارنىڭ قوراللىق ئەترىتى. دەسلەپ 1905-يىلدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە (ئىشچىلار جەڭگىۋارئەترىتى) بارلىققا كەلگەن بولۇپ، دېكابر قوراللىق قوزغىلىڭى داۋامىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىي غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، پېتروگراد، موسكۋا قاتارلىق جايلاردىكى ئىشچىلار بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، قىزىل گۋاردىيە ئەترىتىنى تەشكىللەپ، زاۋۇتلارنى قوغدىغان. شۇ يىلى يازدا ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەر بىلەن سانائەت مەركەزلىرىگە كېڭەيتىلگەن. كۈز پەسلىگە كەلگەندە پېتروگراد قىزىل گۋاردىيە ئەترىتىنىڭ سانى كۆپىيىپ 20 مىڭ كىشىگە، پۈتكۈل روسىيىدە 200 مىڭدىن كۆپرەك كىشىگە يەتكەن. ئۇ ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىكى ئاساسلىق قوراللىق كۈچ بولۇپ قالغان. سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، چەت ئەل مۇداخىلىيىسىگە تاقابىل تۇرغان، مەملىكەت ئىچىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي كۈچلەرنى باستۇرۇپ، ئىنقىلاب مېۋىلىرىنى قوغداپ قالغان. 1918-يىلنىڭ باشلىرىدا قىزىل ئارمىيىگە قوشۇۋېتىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالغان.

قىزىل لايىھە

  • قىزىل لايىھە[يەشمىسى:]»گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان ھەربىي ئىشلار پىلانى. 1937-يىلى 6-ئايدا، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولومبېرگ گىتلېرنىڭ مۇددىئاسى بويىچە، ئۈچ ئارمىيە قوماندانلىرىغا بەرگەن مەخپىي بۇيرۇقىدا گېرمانىيە ئارمىيىسى ئىككى خىل ئېھتىمال بولغان ئۇرۇش تەييارلىقىنى قىلىشنى يەنى، بىرىنچى خىلى «ئاساسلىق غەربتە ئۇرۇش قىلىش» (شەرتلىك بەلگىسى «قىزىل»)، ئىككىنچى خىلى — «ئاساسلىق شەرقىي جەنۇب تەرەپتە ئۇرۇش قىلىش» (شەرتلىك بەلگىسى «يېشىل») نى ئوتتۇرىغا قويغان. گېرمانىيە ئارمىيىسى شتابى مەزكۇر بۇيرۇققا بىنائەن تۈزۈپ چىققان فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى ئاساس قىلغان پىلاننى «قىزىل لايىھە» دەپ ئاتىغان.

قىزىل مىس دەۋرى

  • قىزىل مىس دەۋرى[يەشمىسى:]»برونزا بىلەن تاش قوراللار، مېتال قوراللار بىلەن تاش قوراللار بىرلىكتە ئىشلىتىلگەن دەۋر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئارخېئولوگىيىدە يېڭى تاش قورال دەۋرى بىلەن برونزا قوراللار دەۋرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دەۋردە كىشىلەر مىس تاۋلاش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالغان. بىراق قىزىل مىس يۇمشاق بولۇپ، قورال-جابدۇق ياساشقا ئەپسىز بولغان، ئۇنىڭ قاتتىقلىق ۋە ئۆتكۈرلۈكىمۇ يەنىلا تاش قوراللارغا يەتمىگەن. شۇڭا ئەينى زاماندا تاش قوراللار يەنىلا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەن. مېسوپ-وتامىيە ۋادىسى ۋە مىسىر قاتارلىق جايلار مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرىكى چاغلاردا قىزىل مىس قوراللار دەۋرىگە قەدەم باسقان.

قىزىل ئېقىن ۋەقەسى

  • قىزىل ئېقىن ۋەقەسى[يەشمىسى:]»گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھىندۇنېزىيىنىڭ ياۋا ئارىلىدىكى باتاۋىيە (ھازىرقى جاكارتا) دە جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنى زور كۆلەمدە قىرغىن قىلىش ۋەقەسى بولۇپ، ئىسسىق قان ئېقىن سۈيىنى قىپقىزىل بويىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ باشلىرى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىدىن ياۋا قاتارلىق جايلارغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلار كۈنسېرى كۆپىيىپ بارغان، گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى جۇڭگولۇقلارنى چەتكە قېقىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، 1727-يىلى ئىشسىز ۋە ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى يوق جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۇلارنى جۇڭگوغا قايتۇرۇۋېتىش ياكى سەيلون قاتارلىق جايلارغا يالاپ ئاپىرىپ ئېغىر ئىشقا سېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەن. 1740-يىلى 7-ئايدا يەنە گۇمانلىق جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىشنى بۇيرۇغان. 10-ئاينىڭ 9-كۈنى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى قورۇ-جايلىرىدا قورال-ياراق بار-يوقلۇقىنى ئاقتۇرۇشنى باھانە قىلىپ چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. مۇستەملىكىچى ئارمىيە ساقچىلار ئۆيمۇئۆي يۈرۈپ، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، قېرى-ياش دېمەي پۈتۈنلەي قىرغىن قىلغان. بىر ھەپتە ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەن جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ سانى 10 مىڭ كىشىدىن ئاشقان، 600 ئېغىزدىن كۆپرەك ئۆي كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. جۇڭگو مۇھاجىرلىرى قوللىرىغا قورال ئېلىپ ئۆز ئۆزىنى قوغداشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلار ئوتتۇرا ياۋاغا كېلىپ، يەرلىك خەلقلەر بىلەن بىرلىشىپ تاكى 1743-يىلىغىچە جەڭ قىلغان.

قىزىل ئىشتانلىق قوشۇن قوزغىلىڭى

  • قىزىل ئىشتانلىق قوشۇن قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]»چاۋشيەن سىللا سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە پارتلىغان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ بىرى. مىلادى 896-يىلى (ئايال پادىشاھ جىنشىڭنىڭ 10-يىلى) چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىي رايونىدا پارتلاپ، ئايماق، ناھىيىلەردىكى فېئودال كۈچلەرگە زەربە بەرگەن ھەمدە شەرققە قاراپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۇدۇل پايتەخت كيونجۈ ئايمىقىنىڭ غەربىدىكى مولىياڭ يېزىسىغىچە يېتىپ كېلىپ، كېيىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن. ئۇلار ئىشتانلىرىغا قىزىل بەلگە تىكىۋالغانلىقى ئۈچۈن قىزىل ئىشتانلىق قوشۇن دەپ ئاتالغان.

قىساس كومىتېتى

  • قىساس كومىتېتى[يەشمىسى:]»1905 — 1911-يىللىرى ئىران ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئانارخىستلار قۇرغان تېررورلۇق تەشكىلات. 1917-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان. ۋەزىپىسى ئىراندىكى ئەنگلىيەپەرەسلەرنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھ جەمەتى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئەنگلىيىلىكلەرنى ئىراندىن قوغلاپ چىقىرىشتىن ئىبارەت. ئەزالىرى ئاساسلىقى بۇرژۇئازىيە زىيالىيلىرىدىن ئىبارەت. مەزكۇر كومىتېت قۇرۇلۇپ بىرنەچچە ئاي ئىچىدىلا تەخمىنەن ئون قېتىمدەك تېررورلۇق ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. كېيىن ئىچكى قىسىمدىكى بەزىلەرنىڭ پاش قىلىپ قويۇشى تۈپەيلىدىن تەشكىلات ۋەيران بولۇپ، كۆپلىگەن ئەزالىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

قىسقا چاچلىقلار

  • قىسقا چاچلىقلار[يەشمىسى:]» ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىكى پارلامېنتنى ھىمايە قىلغۇچى، پادىشاھ ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغۇچى پورىتانلار گۇرۇھى. ئەڭ دەسلەپ 1641-يىلى پەيدا بولغان، ئۇنىڭ ئەزالىرى ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر يالغان چاچ تاقىماي قىسقا چاچ قويغۇچىلار بولغانلىقتىن شۇنداق نام بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە يېڭى ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئاقسۆڭەك بولمىغان ئوتتۇرا، كىچىك بۇرژۇئازلار ۋە دېھقان قول سانائەتچىلەر قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ئۆكتىچىلىرى «ئىچوتسىچىلار» دىن ئىبارەت.

قىسقا چاچلىقلار ھەرىكىتى

  • قىسقا چاچلىقلار ھەرىكىتى[يەشمىسى:]» يەنى «جۇڭجىڭدىكى باج تاپشۇرۇشقا قارشى ھەرىكەت».

قىسقا مەزگىللىك پارلامېنت

  • قىسقا مەزگىللىك پارلامېنت[يەشمىسى:]»ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىدا ئېچىلغان بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت. 1640-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېچىلىپ، 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاخىرلاشقان، ئاران ئۈچ ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىت مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. چارلېس Ⅰ مەبلەغ توپلاپ، 1637-يىلى پارتلىغان شوتلاندىيە قوزغىلىڭىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 12 يىل داۋاملاشقان (1629-يىلى 3-ئايدىن 1640-يىلى 4-ئايغىچە) پارلامېنت بولمىغان ھۆكۈمرانلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ، كېمە بېجىنى بىكار قىلىشنى ۋەدە قىلىپ پارلامېنت چاقىرغان ئەمما پارلامېنت پۇل توپلاشنى رەت قىلىپ، شوتلاندىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا قارشى تۇرغان ھەمدە چېركاۋ بىلەن پادىشاھ جەمەتىگە بولغان نارازىلىقىنى بايان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىش ھادىسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىشنى، كىنەز ستراففوردنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي كورۇل تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن.

قىشلىق ساراي

  • قىشلىق ساراي[يەشمىسى:]»ئەسلىدە چارروسىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئوردىسى ئىدى. لېنىنگرادنىڭ مەركىزىگە، چوڭ نېۋا دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان. ئارخېتىكتور راسترېللى (В.В. Растрелли) 1754 — 1762-يىللىرى لايىھىلەپ قۇرغان. 1847-يىلدىكى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن قايتا قۇرۇلغان. ئوردىدا جەمئىي مىڭ ئېغىزدىن كۆپ ئۆي بولۇپ، كۆركەم باروككوچە قۇرۇلۇش — مېمارلىق سېرىيىسىنى ھاسىل قىلغان. 1917-يىلدىكى فېۋرال ئىنقىلابى ۋاقتىدا قوزغىلاڭچى قوشۇن مۇشۇ يەردە تۇرغان، كېيىن بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. 1917-يىل 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىنقىلابىي ئىشچى-ئەسكەرلەر قىشلىق سارايغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇ يەرنى ئىگىلىگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن مەشھۇر ئېرمىتاژ مۇزېيى قىلىنغان.

قىلىچ پەرمانى

  • قىلىچ پەرمانى[يەشمىسى:]» ياپونىيە ئازۇچى-موموياما دەۋرىدە دېھقانلارنىڭ قورال تۇتۇشنى مەنئى قىلىپ، ئەسكەر بىلەن دېھقاننى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان مۇھىم تەدبىر. ئودا نوبۇناگا ئۆلگەندىن كېيىن تويۇتومى خىدېيوشى ھوقۇق تۇتقان، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەر ئۆلچەشنى يولغا قويغان، دېھقانلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يىللىق تارتۇق-سېلىق كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىش، دېھقانلارنى بىر نىيەتتە يەر تېرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەسكەر بىلەن دېھقاننى ئايرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، 1588-يىلى «قىلىچ پەرمانى» نى چىقىرىپ دېھقانلارنىڭ قىلىچ، ئوقيا، مىلتىق ۋە قارا مىلتىق قاتارلىق قوراللارنى تۇتۇشىنى مەنئى قىلغان.

قىلىچ بىلەن ئايرىلغان يەر

  • قىلىچ بىلەن ئايرىلغان يەر[يەشمىسى:]»كېسىپ بېرىلگەن يەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ۋيېتنام پادىشاھى تۆھپىكارلارغا بەرگەن سۇيۇرغال يەر. لى سۇلالىسىدىن تارتىپ باشلانغان. تەيزۇڭ دەۋرى (1028 — 1054) دە، «توپىلاڭنى تىنچىتىش» تا خىزمەت كۆرسەتكەن لى فېڭشياۋ ئۇنۋان قوبۇل قىلىشنى خالىماي، بەلكى مۇزتاغ (تانغۇئا) قا چىقىپ، قىلىچىنى يىراققا ئېتىپ قىلىچى چۈشكەن يەرنى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇشىنى تەلەپ قىلغان، پادىشاھ ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلغان. كېيىن تۆھپىكارلارغا ھەدىيە قىلىپ بەرگەن يەرلەر، «قىلىچ بىلەن ئايرىلغان يەر» دەپ ئاتالغان. بۇنداق يەرلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەرلەر ئىچىدە تەشكىل قىلغان سالمىقى ئانچە چوڭ ئەمەس. بۇنداق يەرلەر نامدا يەنىلا پادىشاھنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولغان، ھەدىيەگە ئىگە بولغۇچىنىڭ بۇنداق يەرگە تولۇق ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بولمىغان ھەمدە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى قايتۇرۇۋېلىنغان، ئازغىنە قىسمى ۋارىسلىق قىلىنىدىغان يەر قىلىنىپ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مىراس قالدۇرۇلغان. قىلىچ بىلەن ئايرىپ بېرىلگەن يەرلەر مۇستەقىل سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بىرلىك ئەمەس، بۇنداق يەردە تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلار زېمىندارغا تولۇق بېقىندى بولمىغان. ئۇلار ئاساسلىقى زېمىندارلارغا يەر ئىجارىسى تاپشۇرۇش ۋە ھەربىي خىزمەت ئۆتەپ بېرىشتىن تاشقىرى، يەنە ئوردىغا باج تاپشۇرغان ۋە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن.

قىيا تاش رەسىملىرى

  • قىيا تاش رەسىملىرى[يەشمىسى:]» ئۆڭكۈر تاملىرى، تاغ يەرلىرى ياكى يالغۇز تاشلارنىڭ ئۈستىگە ئويۇلغان رەسىملەر. ئۇ رەڭلىك،ئويما، قاپارتما قاتارلىق رەسىملەردىن تەشكىل تاپقان. كونا تاش قورال دەۋرىدىن يېڭى تاش قورال دەۋرىگىچە بولغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەتلەردە دائىم ئۇچرايدۇ. رەسىملەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئوۋچى مىللەتلەر ياكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر سىزغان، ئىنتايىن ئاز قىسمىنى دېھقان مىللەتلەر سىزغان. كۆپىنچە ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىقلارنى تېما قىلىپ، تۇرمۇشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، رەسىملەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئابستراكت گۈل ۋە يېزىقلار بولغان. دەۋرى قانچە بالدۇر بولسا، رېئاللىقنى شۇنچە تەسۋىرلەيدىغان بولغان. رەڭلىك رەسىملەرگە مانگان، قىزىل تۆمۈر رۇدىسى، قوڭۇر تۆمۈر رۇدىسى، ھاك تېشى، ياغاچ كۆمۈر قاتارلىقلارنى بوياق قىلغان، سېرىق، قىزىل، قوڭۇر، قارا، ئاق قاتارلىق رەڭلەر بولغان، كۆك، يېشىل رەڭلەرنى پەقەت ھىندىستاننىڭ كېيىنكى دەۋرىدىلا ئۇچراتقىلى بولغان.

قىيامەتلىك ھۆكۈمنامە

  • قىيامەتلىك ھۆكۈمنامە[يەشمىسى:]» «ئەڭ ئاخىرقى باج قوللانمىسى» (Domesday Book) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1086-يىلى ئەنگلىيە كورۇلى ۋېليام (ئىستېلاچى) نىڭ بۇيرۇقى بىلەن تۈزۈپ چىقىلغان مەملىكەت بويىچە يەر-زېمىننى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش قوللانمىسى. يەر بېجى ۋە بېقىندى دۆلەتلەرنىڭ كورۇل ئۆتەيدىغان فېئوداللىق مەجبۇرىيەتلىرىنى بېكىتىشنى مەقسەت قىلغان، تەكشۈرۈش مەزمۇنى كورۇل ۋە فېئودال تۆرىلەرنىڭ يەر-زېمىنىنى ئىگىلەش ئەھۋالى، ھەربىر قورۇقنىڭ كۆلىمى،چارۋا ۋە قورال-سايمانلارنىڭ مىقدارى ھەمدە ھەر خىل تىپتىكى دېھقانلارنىڭ سانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تەكشۈرۈش ۋاقتىدا، ئەمەلدارلار زورلۇق زومبۇلۇق قىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئەركىن دېھقانلار يانچى قىلىۋېتىلگەن، تەكشۈرۈش خەلققە نىسبەتەن خۇددى چېركاۋنىڭ ئېيتقىنىدەك «قىيامەتلىك ھۆكۈم»گە ئوخشاپ قالغان، شۇڭلاشقا «قىيامەتلىك ھۆكۈمنامە» دەپ ئاتالغان. 1087-يىلى تەكشۈرۈش دوكلاتى رەتلىنىپ قوللانما قىلىپ تۈزۈلۈپ، ئىككى قىسىمغا ئايرىلغان. بىرىنچى قىسىمغا ئەنگلىيىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى كىرگۈزۈلگەن، ئىككىنچى قىسىمغا شەرقىي سەكىس، نورفولىك ۋە ساففولىكتىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتنى تەكشۈرۈش دوكلاتى كىرگۈزۈلگەن. «قىيامەتلىك ھۆكۈمنامە» Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئەنگلىيە جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ، ھازىر لوندون ئارخىپخانىسىدا ساقلانماقتا.