ۋ🔗

ۋ

ۋاپچاروۋ

ۋات

ۋات. تيلېر قوزغىلىڭى

ۋاتسۇجى تېتىسوئو

ۋاتىكان مەھبۇسى

ۋاتىكان يۇقىرى دەرىجىلىك دىنىي ئىشلار يىغىنى

ۋاتلىن چوڭ يولى

ۋاتېرلو جېڭى

ۋاتسېتىس

ۋاججى

ۋاجىد

ۋاخان كارىدورى

ۋاراناسى

ۋارد

ۋاردھامانا

ۋاررو

ۋارشاۋا ئەھدى تەشكىلاتى

ۋارشاۋا قوزغىلىڭى

ۋارگاس

ۋارلې

ۋارلىن

ۋارنا Warna

ۋارنا ئۇرۇشى

ۋارويە خاندانلىقى

ۋارۇس

ۋارۇنا

ۋارۋارلىق دەۋرى

ۋارېرۇ

ۋارىينىسكى

ۋازوۋ

ۋاسارى

ۋاسسال

ۋاسسالنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ناھىيە تەسىس قىلىش

ۋاستېركوتلاند قانۇنى

ۋاسلاۋⅠ

ۋاسلاۋⅣ

ۋاسىلىⅢ

ۋاسلىي شۇيسكىي

ۋاسۇباندۇ

ۋاسىلېۋىسكىي

ۋاسىيلىق ئالۋان-ياساق تۈزۈمى ⅩⅧ — ⅩⅥ

ۋاشىنگتون

ۋاشىنگتون يىغىنى

ۋافد پارتىيىسى

ۋاكاتسۇكى رىئېجىرو

ۋاڭ جەمەتى كورىيە خاندانلىقى

ۋاڭ جيەن

ۋاڭ رىن

ۋاڭ يى، ۋاڭ سويىلار قوزغىلىڭى

ۋالاخىيىلىكلەر مۇراجىئەتنامىسى

ۋالپول

ۋالدو مەزھىپى

ۋالدېرس

ۋالدېمارⅣ

ۋالدىۋىيە

ۋالرا

ۋالكېر

ۋاللا

ۋاللاخىيىدىكى 1821-يىلدىكى قوزغىلاڭ

ۋاللاخىيە كىنەزلىكى

ۋاللې-ئىنكلان

ۋالمىكى

ۋالمى ئۇرۇشى

ۋالېنس

ۋالېنسې شەرتنامىسى

ۋالېنسىتېئىن

ۋان بۇرېن

ۋاندال

ۋانداللار

ۋاندوم تۈۋرۈكى

ۋاندېرۋېلد

ۋاندېيە توپىلىڭى

ۋاۋىلوۋ

ۋائىللانت كوۋتۇرىې

ۋايسا

ۋايسالى

ۋايسىيا

ۋايلانت

ۋەتەن پارتىيىسى

ۋەتەنپەرۋەرلەر جەمئىيىتى

ۋەتەنپەرۋەرلەر گۇرۇھى

ۋەتەنپەرۋەرلەر ئۇيۇشمىسى

ۋەتەن فرونتى پروگراممىسى

ۋەتەن قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى

ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتى

ۋەخپە

ۋەزىر

ۋەكىللەر ئۆمىكى يىلى

ۋەلى ئۇلاھشاھ

ۋەنجى قوزغىلىڭى

ۋەنچۈن دۆلىتى

ۋەندۇ شەھىرى

ۋەندۇڭ بۇتخانىسى

ۋەنگوگ

ۋەھشىي پارلامېنت

ۋەھىي خاتىرىسى

ۋرانگېل

ۋروبلېۋىسكى

ۋرىگىت

ۋ ك پ (ب)

ۋلاد تېپېس

ۋلادىسلاۋⅠ

ۋلادىسلاۋⅡ

ۋلادىسلاۋⅢ

ۋلادىسلاۋⅣ

ۋلادىسلاۋوۋ

ۋلادىمىر سۇياتوسلاۋىچ

ۋلادىمىر كىنەزلىكى

ۋلادىمىر مونومناخ

ۋوبى قوزغىلىڭى

ۋوروشىلوۋ

ۋورمىس دىنىي كېلىشىمى

ۋورمىس دىنىي يىغىنى

ۋورمىس يارلىقى

ۋورونوۋ

ۋوگېل

ۋولتېرFrangois Marie)

ۋولف

ۋولگېن

ۋوللېي

ۋولمار

ۋولسېلېي

ۋونام دۆلىتى

ۋوينىچ

ۋۇبان

ۋۇتىڭيەن

ۋۇجۈيلار

ۋۇچالى شەرتنامىسى

ۋۇچۇەن

ۋۇچېڭ ئۇرۇشى

ۋۇسلى

ۋۇكالوۋىچ

ۋۇلكان

ۋېئاتلېي

ۋېب

ۋېبلېن

ۋېچې

ۋېدا

ۋېرت

ۋېردۇن شەرتنامىسى

ۋېردۇن ئۇرۇشى

ۋېردى

ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى

ۋېرسال-ۋاشىنگتون سىستېمىسى

ۋېرسال ئىتتىپاقى شەرتنامىسى

ۋېررى

ۋېرگىل

ۋېرگنىيائۇد

ۋىرمورېل

ۋېرنېر

ۋېرونا يىغىنى

ۋېرېسايېۋ

ۋېر سىگېپتورىكس

ۋېسپا سىيانوس

ۋېستا

ۋېستىمىنىستېر چېركاۋى

ۋېستىمىنىستېر قانۇنى

ۋېستىمىنىستېر نىزامى

ۋېزۇۋېي

ۋېفلامىنىيە چوڭ يولى

ۋېگا

ۋېلاۋسكو ئىباررا

ۋېلسېر جەمەتى

ۋېلف جەمەتى

ۋېللېسلېي

ۋېللىس

ۋېللىڭتون

ۋېلىسېر جەمەتى

ۋېلىيىچىلەر

ۋېنا ئىتتىپاقى شەرتنامىسى

ۋېنا شەرتنامىسى

ۋېنا فرانكا كېلىشىمى

ۋېنا ئىنتېرناتسىئونالى

ۋېنا يىغىنى

ۋېنتۋورس

ۋېنتۋورت

ۋېنترىس

ۋېندې بەگلىكى

ۋېنرا

ۋېنگرلار

ۋېنگرىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى

ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى

ۋېنگرىيە سېپى

ۋېنگرىيە مىللىي مۇستەقىللىك سېپى

ۋېنگرىيە ۋەتەنپەرۋەر يولداشلار جەمئىيىتى

ۋېنگرىيىدىكى 1848 — 1849-يىللاردىكى ئىنقىلاب

ۋېنلاڭ مىللىتى

ۋېنىتسىيە جۇمھۇرىيىتى

ۋېنىزېلوس

ۋېئى جېڭى

ۋېيتانگى شەرتنامىسى

ۋېيتېلىڭ

ۋېيدېمېيېر

ۋېيسى

ۋېيگاند

ۋېيگاند مۇداپىئە لىنىيىسى

ۋېيمار ئاساسىي قانۇنى

ۋېيمار جۇمھۇرىيىتى

ۋېتس

ۋىتت

ۋىتتېر

ۋىترۇۋىئۇس

ۋىتمان

ۋىجاياناگار

ۋىدوفدان ئاساسىي قانۇنى

ۋىرتانېن

ۋىرىياتۇس

ۋىزانتىيە

ۋىزانتىيە دېھقانچىلىق قانۇنى

ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى

ۋىسكى ھارىقى ۋەقەسى

ۋىست پونت ھەربىي مەكتىپى

ۋىستفارىيە سۈلھ شەرتنامىسى

ۋىستلېر

ۋىشى ھۆكۈمىتى

ۋىشىنىسكىي

ۋىكتورىئو ئىممانۇئىلⅠ

ۋىكتورىئو ئىممانۇئېلⅡ

ۋىكتورىئو ئىممانۇئېلⅢ

ۋىكتورىيە

ۋىكرامادىتيا

ۋىكو

ۋىكونت

ۋىكسېل

ۋىگ پارتىيىسى

ۋىنستانلېيGerrard)

ۋىندوبونا

ۋىنىتسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى

ۋىنكلېر

ۋىنوگرادوۋ Павил

ۋىن ۋۇۋاڭ

ۋىۋېكاناندا Swami)

ۋىۋىئانى

ۋىي ۋاسا

ۋىلاداي قوزغىلىڭى

ۋىللاFrancisco Villa

ۋىللان Villan

ۋىللانوۋا مەدەنىيىتى

ۋىلايەت بېگى

ۋىلدې

ۋىلسون Thomas Woodrow

ۋىلسون ۋەقەسى

ۋىلكېس دېلوسى

ۋىكلىف John Wycliffe

ۋىلموتنىڭ قوشۇمچە ھۈججىتى

ۋىللستاتتېر

ۋىللىخ

ۋىللېسلېي

ۋىللېمⅠ

ۋىللىيام ستوبىس

ۋىليام

ۋىليام خوبسون

ۋىليام خۇگېس

ۋىليام ئورانگې

ۋىليامىس

ۋىلھېلمⅡ

ۋىلھېلم سولف

ۋىلھېلمىنا

ۋىنكال سكرىش شەرتنامىسى

ۋيېتنام-فرانسىيە ۋېرسال شەرتنامىسى

ۋيېتنام، لائوس، كامبودژىلارنىڭ فرانسىيىگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى

ۋيېتنام مەسىلىسى توغرىسىدىكى پارىژ خەلقئارا يىغىنى

ۋيېتنام مەسىلىسى ھەققىدىكى پارىژ كېلىشىمى

ۋيېتنام يېزىقى

ۋيېتنامنى قايتۇرۇۋېلىش جەمئىيىتى

ۋيېتنامنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى

ۋيېتنامنىڭ ئاۋغۇست ئىنقىلابى

ۋيېتنامنىڭ قىسقىچە تارىخى

ۋيېتنامنىڭ لائوسقا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى

ۋيېتنامنىڭ مۇستەقىللىك خىتابنامىسى

ۋېنتىيان دۆلىتى

ۋېنتىيان كېلىشىمى

ئىزاھى

ۋاپچاروۋ

  • ۋاپچاروۋ[يەشمىسى:]Никола Йонков Вапцаров، 1910 — 1942) بۇلغارىيىلىك شائىر. فاشىزمغا قارشى جەڭچى. 1932-يىلى ۋارنا (Варна) تېخنىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. شۇ يىلى بۇلغارىيە كومپارتىيىسىگە كىرگەن. كېيىن ئىشچىلار ئارىسىدا فاشىستلارغا قارشى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان. 1942-يىلى 7-ئايدا ناتسىستلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قىلغان تاجاۋۇزىغا ۋە ئۆز دۆلىتىدىكى فاشىست ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇش قوزغىلىڭىدا قولغا ئېلىنىپ، ئېتىپ تاشلانغان. «مادا ناخشىسى» قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئىنقىلابىي شېئىرلىرى بولۇپ، بۇلاردا خەلقنىڭ فاشىستلارغا قارشى كۈرىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

ۋات

  • ۋات[يەشمىسى:]» (James Watt، 1736 — 1819) ئەنگلىيىلىك كەشپىياتچى. شوتلاندىيىلىك، دەسلىپىدە گلاسگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا خىزمەت قىلىپ، ئوقۇتۇش سايمانلىرىنى ياساشقا مەسئۇل بولغان. 1769-يىلى نېۋكومېن (Thomas Newcomen، 1663 — 1729) نىڭ كان قۇدۇقلىرىدا پار ئارقىلىق سۇ تارتىش ناسوسىغا بىرقاتار زور ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، قۇۋۋىتى بىرقەدەر زور بولغان ئاددىي ھەرىكەتلىك پار دۋىگاتېلىلىق ماتورنى ياساپ چىققان؛ 1784-يىلى يەنە چاتما ھەرىكەتلىك پار دۋىگاتېلىنى سىناپ ياساپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ پار ماشىنىسىنىڭ ئىسسىقلىق ئۈنۈمىنى ۋە مەشغۇلاتنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىنى ئۆستۈرگەن. پار ماشىنىسىنى سانائەتتە ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشكە بولىدىغان دۋىگاتېل ماتورغا ئايلاندۇرغان. 1784-يىلى ئەنگلىيىدە پار ماشىنىسى بىلەن يىپ ئېگىرىدىغان تۇنجى فابرىكىنى قۇرۇپ چىققان. كېيىن پار ماشىنىسى باشقا سانائەتلەرگىمۇ كېڭەيتىلىپ، پۈتكۈل سانائەتتە غايەت زور تېخنىكا ئىسلاھاتىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. كېيىنكىلەر ئۇنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، دائىم ئىشلىتىلىدىغان قۇۋۋەت بىرلىكىنى ئۇنىڭ نامى — «ۋات» بىلەن ئاتىغان (بۇ ھەربىر سېكۇنتتا چىقىرىلىدىغان بىر جوئۇللۇق قۇۋۋەتنى كۆرسىتىدۇ).

ۋات. تيلېر قوزغىلىڭى

  • ۋات. تيلېر قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]» 1381-يىلىدىكى ئەنگلىيە دېھقانلىرى قوزغىلىڭى. ئاساسلىق رەھبىرى تامچى ۋات. تيلېر (Wat Tyler، ؟ — 1381) ۋە بال (John Ball). ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، ئەنگلىيە دېھقانلىرىنىڭ ھال-كۈنى بارغانسېرى يامانلىشىپ كەتكەن، پۇل بىلەن تۆلىنىدىغان يەر ئىجارىسى ئېغىرلىشىپ كېتىپ، دېھقانلار تۆلىيەلمەيدىغان دەرىجىگە يەتكەن؛ خوجىلار يېزا جامائەلىرىنىڭ يەرلىرىنى خالىغانچە تالان-تاراج قىلغان؛ بەزى چوڭ فېئوداللار، بولۇپمۇ چېركاۋدىكى چوڭ فېئوداللار جاھىللىق بىلەن ھاشار تۈزۈمىنى ساقلاپ قالغان؛1348 — 1349-يىللىرى قارا داغ كېسىلى (يەنى چۇما كېسىلى) تارقىلىپ، ئەنگلىيىنىڭ يېرىمىغا يېقىن ئادىمىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ئەمگەك كۈچى جىددىي كېمىيىپ كېتىپ، ھۆكۈمەت «ئەمگەك ئىش ھەققى قانۇنى» جاكارلاپ، ياللانما ئەمگەكچىلەرنى ياللىغۇچىلارغا قارا داغ كېسىلى تارقىلىشتىن بۇرۇنقى ئىش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە ياللىنىشقا مەجبۇر قىلغان، ۋەھاكازالار. 1377-يىلى ئەنگلىيە-فرانسىيىنىڭ 100 يىللىق ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت جان سانى بېجى ئېلىشنى يولغا قويغان. 1380-يىلى ئۈچىنچى قېتىم يىغقاندا، باج نورمىسى ئىككى ھەسسە ئېشىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە باجگىرلار ساختىپەزلىك ۋە مەنپەئەتپەرەسلىك قىلىپ، دېھقانلارنى چىدىيالمايدىغان دەرىجىگە كەلتۈرۈپ قويغان. بۇلار قوزغىلاڭنىڭ سەۋەبلىكى بولغان. 1381-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، شەرقىي ئېسېكىس ۋە كېنتلىق دېھقانلار ئالدى بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭ تېزلىك بىلەن ئەنگلىيىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى قاپلىغان، 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، دېھقانلار قوشۇنى كېنتېربېرىنى ئىگىلىگەن، 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، لوندون پۇقرالىرىنىڭ قوللىشى بىلەن پايتەختكە بېسىپ كىرگەن، قوزغىلاڭچىلار ھەممىلا يەردە فېئودال قورۇقلارنى ئىگىلەپ، باج دەپتەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ، خەلقنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغىغان فېئودال، ۋەزىر ۋە سوتچىلارنى ئۆلتۈرگەن. 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، كورۇل چارلېسⅡ دېھقانلار ئارمىيىسى بىلەن مېرىندا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. قوزغىلاڭچىلار يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، پۇل بىلەن تۆلىنىدىغان تۆۋەن نورمىلىق باجنى دېھقانلارنىڭ فېئوداللار ئالدىدىكى بارلىق مەجبۇرىيىتى ئورنىغا قويۇشنى؛ سودا ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇش ۋە قوزغىلاڭچىلارنى ئومۇمىي كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئاساسەن ھاللىق دېھقانلارنىڭ تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. كورۇل يول قويغاندەك بولۇۋالغانلىقتىن، بىر قىسىم دېھقانلار ئىشىنىپ كېتىپ، يۇرتلىرىغا قايتىپ كەتكەن. نامرات دېھقانلار كېتىپ قېلىشنى خالىماي، 15-كۈنىكەچتە سمىتفېلدا چارلېسⅡ بىلەن يەنە بىر قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، چېركاۋنىڭ يەر مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىش؛ زېمىندارلارنىڭ بارلىق ئىمتىيازىنى بىكار قىلىپ، ئۇلار زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغان يېزا جامائە يەرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش، «ئەمگەك-ئىش ھەققى قانۇنى» نى بىكار قىلىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان. سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى تۇيۇقسىز خەنجىرىنى چىقىرىپ ۋات. تيلېرنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. قوزغىلاڭچى دېھقانلار باشلىقسىز قېلىپ، ئارقا-ئارقىدىن لوندوندىن ئايرىلىپ كەتكەن. يىغىپ كېلىنگەن ھەرقايسى ۋىلايەتلەرنىڭ رىتسارلىرى قايتىپ كەتكەن دېھقانلارنى قوغلاپ يۈرۈپ قىرغىن قىلغان. كېيىن بالمۇ ئۆلتۈرۈلگەن، قوزغىلاڭ ئاخىر باستۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيە يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ۋاتسۇجى تېتىسوئو

  • ۋاتسۇجى تېتىسوئو[يەشمىسى:]» (1889 — 1960) ياپونىيىلىك پەيلاسوپ. ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى. خىيوگو ناھىيىسىدىكى فۇكۇزاكى ئايمىقىدا تۇغۇلغان. توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ياپونىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى، كىيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1934-يىلدىن باشلاپ توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1949-يىلى ياپونىيە ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1955-يىلى مەدەنىيەت ئوردېنىغا ئېرىشكەن. 1960-يىلى ياپونىيە ئېتىكا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. مەدەنىيەت تارىخى ۋە ئېتىكىنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ياپونىيە روھى تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات»، «ئىپتىدائىي خرىستىئان مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەھمىيىتى»، «ئىپتىدائىي بۇددا دىنىنىڭ ئەمەلىيەت پەلسەپىسى»، «ئېتىكا»، «ياپونىيە ئېتىكا ئىدىيىۋى تارىخى»، «ياپونىيە سەنئەت تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات» قاتارلىقلار بار. يەنە 20 توملۇق «ۋاتسۇجى تېتسوئو ئەسەرلىرى» بار.

ۋاتىكان مەھبۇسى

  • ۋاتىكان مەھبۇسى[يەشمىسى:]»1870-يىلى پاپا پىئۇس Ⅸ ۋاتىكانغا چېكىنىپ كىرگەندىن كېيىن ئۆزىنى شۇنداق دەپ ئاتىۋالغان. 1870-يىل 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىتالىيە قوشۇنى رىمنى ئازاد قىلغان. ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق پاپا دۆلىتى ئىتالىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇلغان، پىئۇس Ⅸ ۋاتىكانغا چېكىنىپ كىرگەن. ياندۇرقى يىلى 5-ئايدا، ئىتالىيە پارلامېنتى «پاپا كاپالەتلىك قانۇنى» نى ماقۇللاپ، پاپانىڭ دەھرىي ئىمتىيازى مەھرۇم قىلىنغان. پىئۇس Ⅸ ئۇنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان، ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، ۋاتىكاندىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماسلىققا قەسەم قىلىپ، ئۆزىنى «ۋاتىكان مەھبۇسى» دەپ ئاتىغان. پىئۇس Ⅸ دىن كېيىنكى پاپالارمۇ ئوخشاشلا بۇ ئېتىرازدا 50 نەچچە يىل چىڭ تۇرغان. 1929-يىلى 2-ئايدا ئىتالىيە ھۆكۈمىتى پاپا ۋەكىلى بىلەن «لاتېران شەرتنامىسى»نى ئىمزالاپ، ئىتالىيە پاپانىڭ ۋاتىكاندىكى مۇتلەق ئىگىلىك ھوقۇقىنى، ئۇنىڭ رىم شەھىرىدىكى بەزى ئاپپاراتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن تالاش-تارتىش ھەل قىلىنغان.

ۋاتىكان يۇقىرى دەرىجىلىك دىنىي ئىشلار يىغىنى

  • ۋاتىكان يۇقىرى دەرىجىلىك دىنىي ئىشلار يىغىنى[يەشمىسى:]» كاتولىك چېركاۋى ۋاتىكاندا چاقىرغان دۇنياۋى خاراكتېرلىك ئالىي دىنىي ئىشلار يىغىنى. جەمئىي ئىككى نۆۋەت چاقىرىلغان. بىرىنچى نۆۋەتلىكى 1869-يىلى 12-ئايدىن 1870-يىلى 10-ئايغىچە رىم پاپاسى پىئۇس Ⅸ تەرىپىدىن چاقىرىلغان. بۇ 20-قېتىملىق كاتولىك دىنى ۋەكىللەر يىغىنى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، ئىتالىيىدە بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى تېز تەرەققىي قىلغان، پاپا پىئۇس Ⅸ ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان ھەمدە پاپانىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشكە ۋە چېركاۋنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنغان. 1868-يىلى 6-ئايدا دىنىي ھاكىمىيەت مەڭگۈ ساقلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى مۇقەددەس يارلىق جاكارلانغان. 1869-يىلى 12-ئايدا كاتولىك دىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرىنىڭ يىغىلىشى چاقىرىلىپ، ترېنتو دىنىي يىغىنىنىڭ پۈتۈن قارارى توغرا دەپ قايتا تەكىتلەنگەن، ماتېرىيالىزم، ئەقلىيچىلىك، ناتۇرالىزم،خۇداسىزلىق ئەيىبلەنگەن، كاتولىك دىنى بىردىنبىر ھەقىقەت دەپ تەرغىپ قىلىنغان. 1870-يىلى 7-ئايدا «پاپانىڭ خاتاسىزلىقى» ئەقىدىسى ماقۇللىنىپ، پاپا ھوقۇقىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى جاكارلانغان ھەمدە كاتولىك مۇرىتلىرىنىڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىگە قارشى تۇرۇشى شەرتلىكى بەلگىلەنگەن. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىتالىيە قوشۇنى رىمغا كىرىش بىلەن، پاپانىڭ دەھرىي ھاكىمىيىتى بىكار قىلىنغان، 10-ئاينىڭ 20-كۈنى يىغىن نائىلاج ئۈزۈلۈپ قالغان. ئىككىنچى نۆۋەتلىكى 1962-يىلى پاپا جون ⅩⅩⅢ تەرىپىدىن چاقىرىلغان. ياندۇرقى يىلى 6-ئايدا پاپا ئۆلۈپ كېتىپ، يېڭى پاپا پائۇل Ⅵ يىغىننى داۋاملاشتۇرغان. 1965-يىلى ئاياغلاشقان. كاتولىك چېركاۋىنىڭ ئىچكى ئىسلاھاتى ۋە خرىستىئان مەزھەپلىرىنىڭ «بىرلىشىشى»ئاساسىي تېما قىلىنغان،«رەسىم-قائىدىلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش»، «چېركاۋلارنى يەرلىكلەشتۈرۈش» قاتارلىق 16 ھۈججەت ماقۇللانغان، «خرىستىئان دىنى بىرلىشىش كاتىبات باشقارمىسى»، «غەيرىي خرىستىئانلار بىلەن ئالاقىلىشىش كاتىبات باشقارمىسى»، «دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار بىلەن ئالاقىلىشىش كاتىبات باشقارمىسى» قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. شۇنداقلا گېزىت-ژۇرنال، كىنو، رادىئو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق جامائەت پىكرى خىزمىتى كۈچەيتىلگەن. بۇ ئىككى نۆۋەتلىك يىغىن كاتولىك دىنىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.

ۋاتلىن چوڭ يولى

  • ۋاتلىن چوڭ يولى[يەشمىسى:]» (Watling Street) ئەنگلىيە تارىخىدىكى مەشھۇر چوڭ يول. قەدىمكى رىم دەۋرىدە قۇرۇلغان. لوندوندىن غەربىي شىمالىغا سوزۇلۇپ، ۋېرۇلامئوم (Vevulam um، ھازىرقى سانت ئالبانس Caint Albans) ئارقىلىق ۋىروكونىئوم (Viro Coniun، ھازىرقى ۋروكىسېتېر Wroxeter) غا تۇتاشان. يول ئۈستىگە بىرمۇنچە قەلئە سېلىنغان. مىلادى Ⅹ — Ⅸ ئەسىرلەردە غەربىي ساكىس پادىشاھلىقى بىلەن دانىيە رايونىنىڭ چېگرىسى بولغان.

ۋاتېرلو جېڭى

  • ۋاتېرلو جېڭى[يەشمىسى:]»ناپولېئونⅠ 1815-يىلى فرانسىيىگە قارشى يەتتىنچى قېتىملىق ئىتتىپاقنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن ئېلىپ بارغان ئاخىرقى قېتىملىق جەڭ. 1815-يىل 3-ئاينىڭ1-كۈنى ناپولېئون فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، ۋېنا يىغىنىغا قاتناشقان كۈچلۈك دۆلەتلەر فرانسىيىگە قارشى يەتتىنچى قېتىملىق ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئاۋسترىيە، روسىيە، ئەنگلىيە ۋە پرۇسسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 1 مىليون كىشىلىك ئارمىيىسى توپلىنىشقا باشلىغان. ناپولېئونمۇ فرانسىيىنىڭ پۈتكۈل ئەسكىرىي كۈچى (تەخمىنەن 500 مىڭ كىشى) نى سەپەرۋەر قىلىپ، دۈشمەن ئارمىيىسىگە قارشى ئاتلانغان. 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ناپولېئون 72 مىڭ كىشىلىك فرانسىيە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، بىريوسسېلنىڭ جەنۇبىدىن تەخمىنەن 20 كىلومېتر يىراقلىقتىكى ۋاتېرلو (Waterloo) كەنتىدە، ئەنگلىيە گېنېرالى ۋىللىنتون قوماندانلىقىدىكى 70 مىڭ كىشىلىك ئەنگلىيە، گوللاندىيە، بىلگىيە، گېرمانىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. ھالقىلىق پەيتتە، بليۇخېر قوماندانلىقىدىكى 30 مىڭ كىشىلىك پرۇسسىيە قوشۇنى ئۇرۇشقا قاتناشقان. بۇ جەڭدە فرانسىيە ئارمىيىسى تارمارقىلىنغان.6-ئاينىڭ22-كۈنى ناپولېئون Ⅰ تەختتىن چۈشۈشنى قارار قىلغان، شۇنىڭ بىلەن فرانسىيە بىرىنچى ئىمپېرىيىسى ئاخىلاشقان.

ۋاتسېتىس

  • ۋاتسېتىس[يەشمىسى:]»(Иоаким Иоакимович Вацетис، 1873 — 1938) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ئىشلار نەزەرىيىچىسى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پىيادە ئەسكەرلەر پولكىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابى مەزگىلىدە پولكنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، شەرق ئۇرۇش لىنىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1918-يىلى 9-ئايدىن ئىككىنچى يىلى 7-ئايغىچە، سوۋېت روسىيىسى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1919-يىلى 8-ئايدىن 1921-يىلىغىچە ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1922-يىلدىن باشلاپ ھەربىي ئىنستىتۇت ( كېيىن فرونزې ھەربىي ئىنستىتۇتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن) تا پروفېسسور بولغان. «كەلگۈسى ھەربىي ئىشلار نەزەرىيىسى» قاتارلىق ھەربىي ئىلىمغا دائىر كۆپلىگەن ئەسەرلىرى بار.

ۋاججى

  • ۋاججى[يەشمىسى:]»(Vajji) ۋججى (Vjji) دەپمۇ ئاتالغان. قەدىمكى ھىندىستاندىكى بىر دۆلەتنىڭ نامى. گانگ دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. بۇددا دىنى گۈللەنگەن دەۋردە قۇرۇلغان. ئۇ سەككىز ياكى توققۇز قەبىلىنىڭ بىرلىشىشىدىن تەركىب تاپقان ئاقسۆڭەكلەر جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، ئاساسىي قەبىلە لىچى، ۋاججى قاتارلىقلار ئىدى. لىچى قەبىلىسىنىڭ باش شەھىرى ۋايسالى (Vaisali) ھۆكۈمرانلىق مەركىزى قىلىنغان. «بۇددانىڭ يارالمىش سوتراسى» دا خاتىرىلىنىشىچە، لىچى قەبىلىسىنىڭ «ھۆكۈمران جەمەتى» دىن 7707 كىشى ۋايسالى شەھىرىدە تۇرۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن. ئۇنىڭ كۆپتۈرمە گەپ ئىكەنلىكى ئېنىق. ئېيتىلىشىچە بۇ كىساتىرىيە ئاقسۆڭەكلىرى مۇقەددەس كۆلدە بېشىدىن سۇ قۇيۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىنلا، دۆلەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئىمتىيازىغا ئىگە بولالايدىكەن. بۇ بىرلەشمە جۇمھۇرىيەت كېيىن ماگادخا پادىشاھلىقىنىڭ شاھى ئاجاتا ساترۇ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشىغان) تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.

ۋاجىد

  • ۋاجىد[يەشمىسى:]»(Waqidi، 747 — 873) ئەرەب تارىخشۇناسى. مەدىنىدە تۇغۇلغان. ئاشلىق سودىگىرى بولغان. قەرزدىن قېچىپ، باغدادقا بېرىۋالغان. كېيىن باغداد!غەربىي رايونىنىڭ قازىسى بولغان. «زەپەرنامە» دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇنىڭدا ئەرەبلەرنىڭ دەسلەپكى ئىستېلالىرى ۋە مۇھىم ئۇرۇشلىرى بايان قىلىنغان. يەنە «سۈرىيىنىڭ بويسۇندۇرۇلۇشى» قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار.

ۋاخان كارىدورى

  • ۋاخان كارىدورى[يەشمىسى:]» يەنى «ئافغانىستان كارىدورى».

ۋاراناسى

  • ۋاراناسى[يەشمىسى:]»(Vārānasi) قەدىمكى ھىندىستاندىكى كاسى دۆلىتىنىڭ پايتەختى. « ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى» دە تىلغا ئېلىنغان. گانگ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان، يەنى ھازىرقى ھىندىستاننىڭ شىمال تەرىپىدىكى ۋاراناسىدىن ئىبارەت. ۋاراناسىنىڭ يەرلىرى مۇنبەت ھەم گۈزەل بولۇپ، دەسلەپكى چاغلاردىكى بۇددا دىنى دەۋرىدىكى سەككىز مەشھۇر شەھەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شەھەرنىڭ غەربىي شىمالىدىن تەخمىنەن ئون كىلومېتر يىراقلىققا جايلاشقان مەشھۇر مرگاداۋا رىۋايەت قىلىنىشىچە، ساكيامونىنىڭ تۇنجى قېتىم دىن تارقاتقان مۇقەددەس جايى ئىكەن.

ۋارد

  • ۋارد[يەشمىسى:]»(Lester Frank Ward، 1841 — 1913) ئامېرىكىلىق سوتسىولوگى. ئىللىنويس شتاتىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1871-يىلى كولومبىيە ئىنستىتۇتى (ھازىرقى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى) نى پۈتتۈرگەن. 1881 — 1906-يىللىرى زوئولوگىيە ۋە پالېئونتولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە سوتسىولوگىيىنى تەتقىق قىلغان. 1906-يىلى بران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سوتسىولوگىيە پەنلىرى پروفېسسورى بولغان ھەمدە ئامېرىكا سوتسىولوگىيە جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى بولغان. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەتلەنگۈچى كۈچى نەزەرىيىسىنى ياراتقان. ئىنسانلارنىڭ تىرىكچىلىك شارائىتىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت شەخسىي ئىستەكنى ھازىرلىغاندىلا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىلگىرىلەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان ھەمدە بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەت ئىنسانلار روھىي ھالىتىنىڭ مەھسۇلى دېگەننى چۈشەندۈرمەكچى بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ھەرىكەت ھالەتتىكى سوتسىولوگىيە»، «مەدەنىيەتتىكى پسىخىك ئامىللار»، «ساپ سوتسىولوگىيە»، «ئالەمگە نەزەر» قاتارلىقلار بار.

ۋاردھامانا

  • ۋاردھامانا[يەشمىسى:]» «جاينا دىنى» گە قاراڭ.

ۋاررو

  • ۋاررو[يەشمىسى:]»(Marcus Terentius Varro، مىلادىدىن ئىلگىرى 116 — 27) قەدىمكى رىم يازغۇچىسى ۋە ئالىمى. ئىتالىيە سابىن رايونىنىڭ لېئات بازىرىدىكى رىتسار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا رىمدا تىل ۋە تارىخ ئۆگەنگەن، كېيىن ئافىناغا بېرىپ، پلاتوننىڭ شاگىرتى ئانتئوكاستىن بىلىم ئالغان. مىلادىدىن 49 يىل ئىلگىرى «ئىچكى ئۇرۇش» تىن ئىلگىرى ترېبون، شەھەر مەمۇرىي ئەمەلدارى، باش سوتچى، مالىيە ئەمەلدارى، دېڭىز ئارمىيىسى سەركەردىسى (مىلادىدىن 67 يىل ئىلگىرى) ۋە ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. مىلادىدىن 76 يىل ئىلگىرى پومپېئۇس (Pompeius) نىڭ مالىيە ئەمەلدارى بولغان چاغدا، سىرتورىئۇس (Quintus Sertorius) قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. پومپېئۇس دېڭىز قاراقچىلىرىنى تازىلىغان ۋە يىراق شەرققە يۈرۈش قىلغان (مىترىدات Mithridates ئۇرۇشى) مەزگىلى (مىلادىدىن ئىلگىرى 67 — 63) دە، ئۇنىڭ قول ئاستىدا دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، كېيىن ئىسپانىيىگە بارغان. «ئىچكى ئۇرۇش» تا كائېسارغا قارشى تۇرغان. كائېسار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، كەچۈرۈم قىلىنىپ بۇيرۇققا بىنائەن رىمنىڭ تۇنجى ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى كۇتۇپخانىسىنى قۇرۇپ چىققان. زامانداشلىرىدىن سىسېرو، كېيىنكىلەردىن سانت، ئاۋگۇستىن (Saint Augustine) تەرىپىدىن بىلىملىك زات دەپ تەرىپلەنگەن. ھاياتىدا يازغان ئەسەرلىرى بەكمۇ كۆپ بولۇپ، بۇلار ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپە، قانۇنشۇناسلىقتىن ئىبارەت ھەر خىل تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىرغىچە «لاتىن تىلى ھەققىدە» (پارچىلىرى) ۋە تولۇقراق بولغان «يېزا ئىگىلىك ھەققىدە» دېگەن ئەسەرلىرىلا ساقلىنىپ قالغان. كېيىنكىسى دىئالوگ ژانىرىغا ياتىدىغان، ئەدەبىيات خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئەسەر بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردىكى ئىتالىيە قۇللۇق تۈزۈمى ئىگىلىكىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

ۋارشاۋا ئەھدى تەشكىلاتى

  • ۋارشاۋا ئەھدى تەشكىلاتى[يەشمىسى:]» ۋشاۋا شەرتنامىسىگە ئاساسەن قۇرۇلغان ھەربىي گۇرۇھ. 1955-يىل 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، چېخوسلوۋاكىيە، بۇلغارىيە، ۋېنگرىيە، سابىق گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، پولشا، رۇمىنىيە ۋە ئالبانىيە ۋارشاۋادا سەككىز دۆلەت دوستلۇق ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ياردەم قىلىش شەرتنامىسى ئىمزالاپ، بۇنى «ۋارشاۋا شەرتنامىسى» دەپ ئاتىغان. بۇ شەرتنامىنىڭ كۈچكە ئىگە قەرەلى 20 يىل بولغان. شەرتنامىدە، شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر «دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى» ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ ھەمدە «خەلقئارالىق تالاش-تارتىشلارنى تىنچلىق ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىدۇ» دەپ جاكارلانغان؛ قوراللىق قىسىملار بىرلەشمە قوماندانلىق شتابى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كومىتېتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنى تەسىس قىلىشنى بەلگىلىگەن. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى شەرتنامە كۈچكە ئىگە بولغان چاغدا، ۋارشاۋا ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلغان. باش شتاب موسكۋادا تەسىس قىلىنغان. قوراللىق قىسىملار بىرلەشمە قوماندانلىق شتابىنىڭ باش قوماندانلىقىنى، شتاب باشلىقلىقىنى ئىزچىل تۈردە سوۋېتلىكلەر ئۆز ئۈستىگە ئالغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سابىق دېموكراتىك گېرمانىيە، پولشا، ۋېنگرىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە نەچچە يۈزمىڭ كىشىلىك قوشۇن تۇرغۇزغان. 1968-يىلى 8-ئايدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋارشاۋا ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ نامى بىلەن چېخوسلوۋاكىيىگە ئەسكەر كىرگۈزۈپ، ئۇنى بېسىۋالغان. شۇ يىلى 9-ئايدا ئالبنىيە بۇ تەشكىلاتتىن چېكىنىپ چىققان.

ۋارشاۋا قوزغىلىڭى

  • ۋارشاۋا قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]» ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پولشا خەلقىنىڭ فاشىستلار ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. 1942-يىلى ۋارشاۋانىڭ يەھۇدىيلار ئولتۇراقلاشقان رايونىدا، پولشا ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاق قۇرۇلغان. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا فاشىست ھۆكۈمرانلىرى يەھۇدىيلارنى ۋەھشىيلىك بىلەن قىرغىن قىلىپ، نەچچە يۈز مىڭ بىگۇناھ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، پولشا خەلقىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئىككىنچى يىلى 1-ئايدا ۋارشاۋادىكى يەھۇدىيلار رايونىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن ھەمدە تىز كېڭەيگەن. قوزغىلاڭچىلار بىلەن فاشىستلار قوشۇنى جىددىي جەڭ قىلغان. 4-ئايدا گېتلىر فاشىستىك ھۆكۈمىتى ھاۋا ئارمىيىسىنى يۆتكەپ كېلىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە ماسلاشتۇرۇپ، قوزغىلاڭنى باستۇرغان. 5-ئايدا قوزغىلاڭ قوماندانلىق شتابىنى ئىشغال قىلغان. 7-ئايدا قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. لېكىن مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىققان بىر قىسىم جەڭچىلەر يەنىلا قوشۇن تەشكىللەپ، كېيىن پولشا گۋاردىستلار ئارمىيىسىگە قاتناشقان.

ۋارگاس

  • ۋارگاس[يەشمىسى:]» (Getulio Dornelles Vargas، 1883 — 1954) برازىلىيە زۇڭتۇڭى (1930 — 1945، 1951 — 1954). چارۋىدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ھەربىي ۋە قانۇن ئىلمىدىن تەربىيە ئالغان. 1922-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. شتات باشلىقى، مالىيە مىنىستىرى بولغان. 1930-يىلى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، زۇڭتۇڭ بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە پارلامېنتنى تارقىتىپ، ئاساسىي قانۇننى بىكار قىلىپ، بارلىق پارتىيىلەرنى قانۇنسىز دەپ جاكارلاپ، خەلق دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويغان.1945-يىلدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئاغدۇرۇپ تاشلانغان، 1951-يىلى يەنە زۇڭتۇڭ بولغان. ئىككىنچى يىلى ئامېرىكا بىلەن برازىلىيە-ئامېرىكا ھەربىي ھەمكارلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، برازىلىيە-ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ئېچىش بىرلەشمە كومىتېتىنى قۇرۇپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئامېرىكىغا تايانغان. لېكىن خەلقنىڭ بېسىمى ئارقىسىدا، نېفىتنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈش بۇيرۇقىنى جاكارلىغان؛ چەت ئەل مەبلىغىنى يېڭىباشتىن تىزىملاش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ، ئىمپورت سودىسى ۋە چەت ئەل شىركەتلىرى پايدىسىنىڭ چەتكە چىقىپ كېتىشىگە چەك قويغان؛ ئىشچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇش پەرمانىنى ئىمزالىغان، ۋەھاكازالار. 1954-يىلى 8-ئايدا ھۆكۈمرانلىقى ھەربىيلەر سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئاغدۇرۇلۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

ۋارلې

  • ۋارلې[يەشمىسى:]» (Jean Francois Varlet، 1764-تەخمىنەن 1832) فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ئەسەبىيلەر گۇرۇھى ئەربابى. ئەسلىدە پوچتىكەش. ئىنقىلاب مەزگىلىدە تەشۋىقات-تەرغىبات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزىنى «ئەركىنلىك ئەلچىسى» دەپ ئاتىغان. 1792-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا مىللىي ئۇيۇشمىنىڭ ئولىگارخېينى شەكىللەندۈرگەنلىكىگە ھۇجۇم قىلغانلىقتىن، ياكۇبىن كۇلۇبىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ئۆزىنى «ئەركىنلىك ئەلچىسى» دەپ ئاتاشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، داۋاملىق تەرغىبات بىلەن شۇغۇللانغان. مەخپىي ئىسيان كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى بولۇپ، گىروندىچىلار ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان 5-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋە 6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى قوزغىلاڭلارغا رەھبەرلىك قىلىشقا قاتناشقان. مۈلۈك ھوقۇقىغا چەك قويۇش، باي-كەمبەغەللىك پەرقىنى تارايتىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جاك. روئۇش (Jacques Roux) قاتارلىقلار بىلەن بىللە، باھاغا چەڭ قويۇش ۋە ھايانكەشلىكنى بىكار قىلىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان. 1799-يىل تۇمانلىق ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن سىياسىيدىن قول ئۈزگەن.

ۋارلىن

  • ۋارلىن[يەشمىسى:]»(Loui Eugene Varlin، 1839 — 1871) 1871-يىلدىكى فرانسىيە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى. بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئەزاسى. سولقانات پرۇدونىزمچى. تۈپلەش ئىشچىلىقىدىنكېلىپچىققان.1857-يىلدىن كېيىن ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى باشلىغان. «تۈپلەش ئىشچىلىرى جەمئىيىتى» نى قۇرغان ھەمدە ئۇنىڭ ھەيئەتلەر يىغىنىغا سايلانغان. 1865-يىلنىڭ باشلىرىدا، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال پارىژ ياچېيكىسىنى قۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان، كېيىن سولقانات پرۇدونىزمچىغا ئايلىنىپ كەتكەن. 1868-يىلى ئىنتېرناتسئونال پارىژ ياچېيكىسى ئىككىنچى قېتىم سوراق قىلىنغاندا، قاماققا ئېلىنغان. 1870-يىلى 4-ئايدا، ئىنتېرناتسىئونال پارىژ ياچېيكىلىرى بىرلەشمىسىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، بىرلەشمىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان، ئۇزاق ئۆتمەي بىريۇسسېلغا قېچىپ كەتكەن. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن پارىژغا قايتىپ كەلگەن. 1871-يىلى 7-ئايدا، خەلق قوغدىنىش ئارمىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان؛ 18-مارت قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ھەمدە كوممۇنا ھەيئەتلىكىگە سايلىنىپ، مالىيە كومىتېتى ۋە ئاشلىق كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى بولغان. «ماي قانلىق ھەپتىسى» جېڭىدە بىر قىسىم رايونلارنىڭ مۇداپىئە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، دېلېسكلۇز (Louis Charles Delescluze) قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ھەربىي ئىشلار ۋەكىلى بولغان. 5-ئاينىڭ 28-كۈنى قولغا ئېلىنىپ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغان.

ۋارنا Warna

  • ۋارنا Warna[يەشمىسى:]» «تەبىقە»، «دەرىجە»، «رەڭ»، «ئۇرۇق»، «سۈپەت» دېگەن مەنىلەردە، قەدىمكى ھىندىستان جەمئىيىتىنىڭ تەبىقە-سىنىپ تۈزۈمى، قەدىمكى ھىندىستاندا تۆت ۋارنا بولۇپ، بۇلار براھمان (Brahmana)، كىساترىيە (Kshatrita)، ۋايىسيە ( Vaisya) ۋە سۇدرا (Sudra) دىن ئىبارەت. «ۋارنا تۈزۈمى» گە قاراڭ.

ۋارنا ئۇرۇشى

  • ۋارنا ئۇرۇشى[يەشمىسى:]»1444-يىل 11-ئاينىڭ 10-كۈنى سۇلتان مۇرادⅡ قوماندانلىقىدىكى تۈركىيە قوشۇنى (تەخمىنەن 40 مىڭ كىشى) بىلەن پولشا قوشۇمچە ۋېنگرىيە پادىشاھى ۋلادېسلاۋⅢ ھەمدە ۋېنگرىيە گېنېرالى ھۇنيادى قوماندانلىقىدىكى ۋېنگرىيە-ۋالاخىيە بىرلەشمە قوشۇنى (تەخمىنەن 10 مىڭ كىشى) ۋارنا (Варна، بۇلغارىيە قارا دېڭىزىنىڭ بويىدا) نىڭ يېنىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇش. ئۇرۇش نەتىجىسىدە، بىرلەشمە ئارمىيە يېڭىلىپ، ۋلادېسلاۋⅢ ھالاك بولۇپ، ھۇنيادى قېچىپ قۇتۇلغان. بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن تۈركلەر بالقان يېرىم ئارىلىدىكى قارا دېڭىزنىڭ بويىدا ۋارنادىن ئىبارەت بۇ مۇھىم دېڭىز پورتىنى كونترول قىلغان.

ۋارويە خاندانلىقى

  • ۋارويە خاندانلىقى[يەشمىسى:]» فرانسىيە فېئودال خاندانلىقى(1328—1589). 1328-يىلى كاپې (Capétiens) خاندانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كورۇلى چارلېس Ⅳ (كېلىشكەن يىگىت) (Charles Lebel) ئۆلگەندىن كېيىن، ۋارىسى بولمىغاچقا، كاپې جەمەتىنىڭ تارمىقى بولغان ۋارويە جەمەتىدىن فىلىپ Ⅵ تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، ۋارويە خاندانلىقىنى قۇرغان ۋە 100 يىللىق ئۇرۇش (1337 — 1453) مەزگىلىدە، پادىشاھلىق ھاكىمىيەت بىر مەھەل ئاجىزلاپ كەتكەن. 1358-يىلى جاكورېي قوزغىلىڭى پارتلىغان ۋە ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا فرانسىيىنىڭ سىياسىي بىرلىكى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ⅩⅥ ئەسىردىن باشلاپ پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك تۈزۈم يولغا قويۇلغان.1589-يىلى بوربون خاندانلىقى ئۇنىڭ ئورنىنى دەسسىگەن. تارىختىكى كورۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللىرى مۇنداق: فىلىپⅥ (1328 — 1350)،جونⅡ(JeanⅡ Lebon، 1350—1364)،چارلېسⅤ(1364— 1380)، چارلېس Ⅵ (1380 — 1422)، چارلېس Ⅶ (1422 — 1461)، لۇئى Ⅺ (1461 — 1483)، چارلېس Ⅷ (1483 — 1498)، لۇئى Ⅻ (1498 — 1515)،فرانسوس Ⅰ(FrancoisⅠ،1515— 1547)، ھېنرى Ⅱ (1547 — 1559)، فرانسوس Ⅱ (1559 — 1560)، چارلېس Ⅸ (1560 — 1574)، ھېنرى Ⅲ (1574 — 1589).

ۋارۇس

  • ۋارۇس[يەشمىسى:]» (Publius Quintilius Varus، ؟ — مىلادى 9) قەدىمكى رىم سەركەردىسى. ئاۋگۇستۇس (Augustus) نىڭ ئىشەنچسىگە ئېرىشىپ، ئۇنىڭ قىز جىيەنى كلاۋىدىيە پۇلكرانى ئەمرىگە ئالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 7 — 6 يىل ئىلگىرى ئافرىقا ئۆلكىسىنىڭ باش ۋالىيسى بولۇپ، كېيىن سۈرىيىگە ئەلچى بولۇپ بارغان. جەنۇبقا بېرىپ يەھۇدىيلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. رەھىمسىزلىك ۋە ئاچكۆزلۈكى بىلەن نام چىقارغان. كېيىن رېيىن دەرياسى يەرلىك قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلغان. مىلادى 9-يىلى گېرمانلار ئارمىنىئۇس (Arminius) نىڭ قوماندانلىقىدا رىمغا قارشى چىققان. ۋارۇس ئۈچ جۈنتۇەننى ۋە بىرمۇنچە ياردەمچى لەشكەرلەرنى ئېلىپ باستۇرۇشقا بارغاندا، رېيىن دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى تېئۇتوبۇرگ (Teutoburg) ئورمانلىقىدا پۈتۈن لەشكىرى ھالاك بولغان. ئۇمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان ئاۋگۇستۇس نەچچە كۈنگىچە «ۋارۇس، لەشكەرلىرىمنى قايتۇرۇپ بەر» دەپ ھەسرەت چەككەنىكەن. بۇ ئۇرۇش رىمنىڭ رېيىن دەرياسىنىڭ شەرقىگە قاراپ كېڭىيىشىنى توسۇغان.

ۋارۇنا

  • ۋارۇنا[يەشمىسى:]» (Varuna) قەدىمكى ھىندىستاندىكى ئىلاھ نامى. ئارىيانلارنىڭ دەسلەپكى ۋىدا دەۋرىدىكى ئاسماندىكى ئىلاھلىرىنىڭ بىرى. «رىگ — ۋىدا» دا ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئاتالغان مەدھىيە ناخشىلىرى بار. دائىم ئىلاھ مىترا بىلەن بىر جۈپ ئىلاھ سۈپىتىدە مەدھىيىلەنگەن. ئىككى ئىلاھ ئوخشاشلا ئىلاھلىق خۇسۇسىيەت ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆزى — قۇياش (شۇڭا قۇياش ئىلاھى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، كىيگىنى ۋالىلداپ نۇر چېچىپ تۇرغان كىيىم، تۇرغان جاي 1000 دانە يۇمىلاق تۈۋرۈكى ۋە 1000 دەرۋازىسى بولغان، ئالتۇندىن ياسالغان تەڭرى ئوردىسى بولۇپ، خانلار ۋە ئالەمنىڭ پادىشاھى، ئەڭ ئالىي ئەخلاق ئىلاھى، قانۇن-قائىدىلەرنى تۇرغۇزۇپ ساختىلىقنى جازالىغۇچى (قانۇن-ئەدلىيە ئىلاھى)، سۈرلۈكلۈكتىن كىشىلەرنى ھېيىقتۇرغۇچى دەپ قارالغان. يەنە كۈن، ئاينىڭ ھەرىكىتى، پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشىنى باشقۇرغۇچى، دەريا، ئېقىنلارنىڭ ئىگىسى، كىشىلەر دۇئا-تىلاۋەت قىلسا، خاسىيەتلىك يامغۇر ئاتا قىلغۇچى دەپ قارالغان. ئۇلارغا بولغان چوقۇنۇش يىراق قەدىمكى زاماندىكى ھىندىستان-ئىران دەۋرىدىن باشلىنىپ، ۋىدا دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، سىنىپىي جەمئىيەتكىچە داۋاملىشىپ كەلگەن.

ۋارۋارلىق دەۋرى

  • ۋارۋارلىق دەۋرى[يەشمىسى:]» (age of barbarism) يەنى «نادانلىق دەۋرى». ئامېرىكىلىق ئېتىنولوگ مورگان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى ئايرىشتا قوللانغان ئاتالغۇ. مورگان ئۆزىنىڭ «قەدىمكى جەمئىيەت» (1877) دېگەن ئەسىرىدە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى «تىرىكچىلىك ماھارىتى» (تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى) نىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن ۋارۋارلىق دەۋرى، ياۋايىلىق دەۋرى ۋە مەدەنىيەت دەۋرىدىن ئىبارەت ئۈچ دەۋرگە ئايرىغان. ۋارۋارلىق دەۋرى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى بولۇپ، تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقىرىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلگەن. ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ تۆۋەن باسقۇچى ئىنسانىيەتنىڭ گۆدەكلىك مەزگىلىدىن باشلىنىپ، بېلىقلارنى يېمەكلىك قىلىش ۋە ئوت ئىشلىتىش مەزگىلىگە كەلگەندە ئاخىرلاشقان؛ بۇ ئۇزۇن يىللاردا ئىنسانلار چەكلىك رايونلاردا ياشاپ، ياۋايى ئۆسۈملۈكلەرنى يىغىش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن ھەمدە بوغۇملۇق تىللار پەيدا بولغان. بۇ باسقۇچتا تۇرغانلىقنىڭ ئىجتىمائىي ئىسپاتلىرى ئاللىقاچان يوقالغان. ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچى بېلىقلارنى يېمەكلىك قىلىش ۋە ئوت ئىشلىتىش مەزگىلىدىن باشلىنىپ، ئوقيا ئىختىرا قىلىنغان مەزگىلدە ئاخىرلاشقان، بۇ چاغدا ئىنسانلارنىڭ ئاياغ ئىزى يەر شارىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىغا تارقالغان. يېقىنقى زاماننىڭ قالاق قەبىلىلىرى ئىچىدە بۇ باسقۇچقا مۇناسىپ كېلىدىغان دەلىل-ئىسپات ئاۋسترالىيىلىكلەر قەبىلىسى ۋە زور كۆپچىلىك پولىنېزىيىلىكلەر قەبىلىلىرىدىن ئىبارەت. ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ يۇقىرى باسقۇچى ئوقيانىڭ ئىختىرا قىلىنىشىدىن باشلىنىپ، ساپال قاچىلار ئىشلىتىلگەن مەزگىلدە ئاخىرلاشقان، بۇ باسقۇچتا تۇرغان يېقىنقى زاماننىڭ قالاق قەبىلىلىرى ھۇدسون قولتۇقى رايونىدىكى ئاتاباسكالىقلار قەبىلىسى، كولومبىيە دەريا ۋادىسىدىكى قەبىلىلەر ۋە شىمالىي، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى بەزى قەبىلىلەردىن ئىبارەت. مورگان بۇ دەۋرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى بوغۇملۇق تىللارنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئۇرۇق بىلەن ئۇرۇقداشلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا يىغىنچاقلىغان. ئەمما ھازىرقى زاماندىكى ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا، مورگان بۇ دەۋرنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىغا مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن قەبىلىلەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بولۇپ قالغان، مەسىلەن: پولىنېزىيىلىكلەرنىڭ قەبىلىلىرى ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىدىن كېيىن تۇرىدىكەن، ۋەھاكازالار. ئېنگېلس «ئائىلە،خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە دۆلەت-نىڭ كېلىپ چىقىشى» دېگەن ئەسىرىدە، مورگاننىڭ دەۋرگە ئايرىش ئۇسۇلىنى نەقىل كەلتۈرگەن ھەمدە ئۇنى \=\=[BG(][BHDFG3,FK6*2,K6*2。4,K6*2F][FT5”NDA][HJ0]مورگاننىڭ دەۋرگە \=ئايرىشى\=[]ئارخېئولوگىيىلىك\= دەۋرگە ئايرىش\=[]گېئولوگىيىلىك\= دەۋرگە ئايرىش\=[]ئىنسانىيەت ئىلمى\= بويىچە دەۋرگە\= ئايرىش []جەمئىيەت تارىخى\= بويىچە دەۋرگە\= ئايرىش []ھازىرقى زامان\= بىلەن بولغان\= ئارىلىقى[FT] [BHDG41,FK1*2,K73*2F][GP]ۋارۋارلىقدەۋرى[][ZB(][BHDG4,K5,K6*2。5][FT5”NDA]تۆۋەن\= باسقۇچى []سۈنئىي تاش\= قوراللار يوق []مىيوتسېن ئاخىرقى\= دەۋرىدىن پلوستون-\=سېن دەۋرى باش-\=لانغىچە []راما قەدىمكى\= ئادەمسىمان مايمۇنى []ئىپتىدائىي توپ []تەخمىنەن 14\= مىليون يىلدىن\= تەخمىنەن 3\= مىليون يىلغىچە [FT][BHDG6][FT5”NDA]ئوتتۇرا\= باسقۇچى[]كونا تاش\= قوراللار []پلوستونسېن دەۋ-\=رىنىڭ دەسلەپكى،\= ئوتتۇرا مەزگىلى []دەسلەپكى مايمۇن-\=سىمان ئادىمى، كې-\=يىنكى مايمۇنسى-\=مان ئادىمى، دەس-\=لەپكى ئەقىللىق\= ئادەم []ئۇرۇقداشلىق كوم-\=مۇنىسىدىن بۇرۇن-\=قى قانداش ئائىلە []تەخمىنەن 3\= مىليۇن يىلدىن\= تەخمىنەن 50\= مىڭ يىلغىچە [FT5][BHDG4][FT5”NDA]يۇقىرى\= باسقۇچى[]ئوتتۇرا تاش \=قوراللار[] پلوستونسېن\= دەۋرىنىڭ ئاخىرقى\= مەزگىلى[] كىيىنكى ئەقىللىق\= ئادەم (ھازىرقى\= زامان ئادىمى)[] ئورۇقداشلىق توپ\= نىكاھلىق ئائىلە[] تەخمىنەن 50\= مىڭ يىلدىن\= تەخمىنەن 15\= مىڭ يىلغىچە [ZB)][HJ][BG)F]\=[FT5NDA][HJ*4] ئىلمىي يوسۇندا يىغىنچاقلاپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، ۋارۋارلىق دەۋرى بىلەن ياۋايىلىق دەۋرىنى ئېنىق قىلىپ تارىختىن بۇرۇنقى (يەنى سىنىپىي جەمئىيەتتىن بۇرۇنقى) مەدەنىيەت باسقۇچى دەپ ئاتىغان، ۋارۋارلىق دەۋرى تەبىئىي مەھسۇلاتلارنى يىغىش ئاساس قىلىنغان دەۋر دەپ كۆرسەتكەن، شۇنداقلا ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ تۆۋەن باسقۇچىنى مايمۇندىن ئادەمگە ئۆتۈش مەزگىلى دەپ قارىغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىپتىدائىي جەمئىيەت تارىخىغا دائىر ھەرخىل ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋارۋارلىق دەۋرىنى باشقا دەۋرگە ئايرىش ئۇسۇللىرى بىلەن مۇنداق سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ (يۇقىرىقى جەدۋەلگە قاراڭ).

ۋارېرۇ

  • ۋارېرۇ[يەشمىسى:]» (Wareru، ؟ — 1296) بىرما پېگو سۇلالىسىنى قۇرغۇچى (1287 — 1296). تۆۋەن تەبىقىدىن كېلىپ چىققان، تايلاند سۇ خۇتاي پادىشاھلىقى ئوردىسىدا مۇلازىم بولغان. 1281-يىلى سالۋېن دەرياسى ئېغىزىدىكى مارتابان (Martaban) شەھىرىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنى كورۇل قىلىپ تىكلىگەن. 1287-يىلى چاگان سۇلالىسى ھالاك بولغاندىن كېيىن، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تەسىر دائىرىسىنى بارا-بارا تۆۋەنكى بىرمىغىچە كېڭەيتكەن ھەمدە پېگونى ئىشغال قىلىپ، مونلار مۇستەقىللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. تەختتىكى مەزگىلدە «ۋارېرۇ قانۇنى» نى تۈزۈشكە پەرمان چۈشۈرگەن. بۇ، بىرمىنىڭ تۇنجى قانۇنى بولۇپ قالغان.

ۋارىينىسكى

  • ۋارىينىسكى[يەشمىسى:]»(Ludvig Warynski، 1856 — 1889( پولشا سوتسىيالىزم ھەرىكىتى ئەربابى. ياش ۋاقتىدا پېتېربۇرگتا ئوقۇۋاتقىنىدا سوتسىيالىزم ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1876-يىلى ۋارشاۋادا تۇنجى پولشا سوتسىيالىزم ئىنقىلابى گۇرۇپپىسىنى قۇرغان. 1878-يىلى پولشا سوتسىيالىزمچىلىرى پروگراممىسىنى، يەنى («بىريۇسسېل پروگراممىسى») نى تۈزۈپ چىققان، كېيىن مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن.1879-يىلى كراكوۋتا ئاۋسترىيە دۆلىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغاندا، جەنۋەگە قېچىپ بېرىپ «باراۋەرلىك جەمئىيىتى» نى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1882-يىلى ۋارشاۋادا مەخپىي پولشا ئىشچىلار ئىنقىلابىي پارتىيىسى — پرولېتارىيات پارتىيىسىنى قۇرغان.1883-يىلى چارروسىيە تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 16 يىللىق ئېغىر ئەمگەككە ھۆكۈم قىلىنىپ، جەبىر-جاپادا ئۆلۈپ كەتكەن.

ۋازوۋ

  • ۋازوۋ[يەشمىسى:]» (Иван Минчов Вазов، 1850 — 1921) بۇلغارىيە مائارىپ مىنىستىرى (1897 — 1899)، يازغۇچى، شائىر. سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1875-يىلى سوپوت شەھىرى يەرلىك ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. كېيىن رۇمىنىيىگە كۆچۈپ بېرىپ، بۇخارېست بۇلغارىيە مەركىزىي خەير ئېھسان جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى بولغان.1877—1878-يىللىرىدىكى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، روسىيە ئارمىيىسىدە ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن خادىم بولغان. كېيىن بېركوۋىتسا شەھىرىدە ئوبلاستلىق سوتنىڭ رەئىسى ۋە پلوۋدىۋ ئۆلكىلىك پارلامېنتنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان. 1886-يىلى 8-ئايدا، تۈركىيىگە مۇھاجىر بولۇپ كېلىپ، كېيىن روسىيىگە بارغان. 1889-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەن. ئەسەرلىرىدىن «بويۇنتۇرۇق ئىچىدە»، «قاچقۇن» دېگەن ھېكايىلىرى، «بايراق ۋە ساز» ۋە «بۇلغارىيىنىڭ قايغۇسى» دېگەن شېئىرلىرى ھەمدە «ئۇنتۇلغان كىشىلەر» دېگەن داستانى قاتارلىقلار بولۇپ، مىللىي ئازادلىق جەڭچىلىرىنىڭ قەھرىمانلىق ئىشلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى مەدھىيىلەنگەن.

ۋاسارى

  • ۋاسارى[يەشمىسى:]»(Giorgio Vasari، 1511 — 1574) ئىتالىيىلىك رەسسام. ئارخىتىكتور ۋە سەنئەت تارىخشۇناسى. ئارېززو (Arezzo) شەھىرىدە تۇغۇلغان. 13 يېشىدا فلورېنسىيىگە بېرىپ، مىكېلانگېلو (Michelangelo) دىن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. كېيىن ئىتالىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ساياھەت قىلىپ، سەنئەت ئۇستازلىرىنى زىيارەت قىلغان ھەمدە مەشھۇر رەسىم، ھەيكەل ۋە قۇرۇلۇشلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان. «ئىتالىيە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسلەر تەرجىمىھالى» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى مەشھۇر رەسسام، نەققاش ۋە بىناكارلىق ئۇستىلىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرىنى تونۇشتۇرغان، بۇ ئەسەرنى غەرب سەنئەت تارىخىدىكى نادىر ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ. «ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى» گە قارالسۇن.

ۋاسسال

  • ۋاسسال[يەشمىسى:]» ياپونىيە ئېدو دەۋرىدە چوڭ خوجىدار كونتروللۇقىدىكى تەسىر دائىرىسى ۋە ئۇنىڭ ئورگىنى. بۇ ئاتالغۇ جۇڭگونىڭ «ۋاسسال ئەل» سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يېقىن بولغانلار ۋە يېقىن ئەمەسلەر بويىچە يېقىن ۋاسسال، پۇدەي، ۋەيياڭ دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىلغان. يېقىن ۋاسساللاردا «پادىشاھقا خاس ئۈچ جەمەت» بولۇپ، ھەممىسى توكوگاۋا جەمەتىنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئىبارەت. پۇدەيلەر گۇەنيۇەن جېڭىدە خىزمەت كۆرسەتكەنلەردىن ئىبارەت. ۋەيياڭلارنىڭ شوگنات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېقىن ئەمەس. گۇەنيۇەن جېڭىدىن كېيىن ئۇلار توكوگاۋا ئېياسۇغا بويسۇنۇپ، شوگناتنىڭ بىر تۇرۇپ بىرلىشىدىغان، بىر تۇرۇپ زۇلۇم سالىدىغان، بىر تۇرۇپ ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ئوبيېكتى بولۇپ قالغان. يىللىق تارتۇق مىقدارى بويىچە ئايرىلغاندا،200 مىڭ تاغاردىن 1 مىليون تاغارغىچە بولغانلار چوڭ ۋاسسال، 50 مىڭ تاغاردىن 200 مىڭ تاغارغىچە بولغانلار ئوتتۇرا ۋاسسال، 100 مىڭ تاغاردىن 50 مىڭ تاغارغىچە بولغانلار كىچىك ۋاسسال، ئونمىڭ تاغاردىن 20 مىڭ تاغارغىچە بولغانلار پارچە-پۇرات ۋاسسال دەپ ئاتالغان. شوگنات ۋاسساللارغا قارىتا قوماندانلىق قىلىش، تىكلەش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، يېقىن ۋاسساللار ۋە پۇدەي خوجىدارلارنى كۈچەيتىش يولى بىلەن ۋەيياڭ خوجىدارلىرىنى ئاجىزلاشتۇرغان. مېيجى يىللىرىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش مەزگىلىدە ۋاسساللار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ناھىيە تەسىس قىلىنغان.

ۋاسسالنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ناھىيە تەسىس قىلىش

  • ۋاسسالنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ناھىيە تەسىس قىلىش[يەشمىسى:]» ياپونىيە ئاكاچۇنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ئېلىپ بېرىلغان مۇھىم ئىسلاھاتلارنىڭ بىرى. ھەرقايسى ۋاسساللار ئىگىلىۋالغان زېمىنىنى قايتۇرغاندىن كېيىن ۋاسسال بەگلىرى يەنىلا چوڭ ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغان. فېئودال تەپرىقچىلىق ھالەتنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىپ، ھوقۇق مەركەزگە توپلاشقان بىرلىككە كەلگەن دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، 1871-يىل 7-ئاينىڭ14-كۈنى ئاكاچۇ ھۆكۈمىتى پايتەختتىكى ۋاسسال بەگلىرىنى يىغىپ ئۇلارغا ۋاسسالنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ناھىيە تەسىس قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق بولغان: كونا ۋاسسال خوجىلىرىنىڭ ۋاسسال بېگىلىك ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش، ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى توكيوغا كۆچۈرۈپ دۆلەتتىن مائاش ئېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەمۇرىي رايونلارنى بىر ئۆلكە (خوككايدۇ)، ئۈچ مەھكىمە (توكيو مەھكىمىسى، كىيۇتو مەھكىمىسى ۋە ئوساكا مەھكىمىسى)، 302 ناھىيە (كېيىن 72 ناھىيە، يەنىمۇ ئىخچاملىنىپ 43 ناھىيە قىلىنغان) گە بۆلۈنگەن بولۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۆلكە باش ئەمەلدارى، مەھكىمە ئامبىلى ۋە ناھىيە ئامبىلى تەيىنلەنگەن. بۇيرۇق بويىچە ئىگىلىۋالغان زېمىننى قايتۇرۇپ ۋە ۋاسسالنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ناھىيە تەسىس قىلىش ئارقىلىق ياپونىيە ئىسمى جىسمىغا لايىق ھوقۇق مەركەزگە توپلانغان ھەم بىرلىككە كەلگەن دۆلەتكە ئايلانغان.

ۋاستېركوتلاند قانۇنى

  • ۋاستېركوتلاند قانۇنى[يەشمىسى:]»شۋېتسىيىنىڭ ۋاستېر كوتلاند (Vastergotland) ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە قانۇنى. بۇ قانۇن جەمئىي ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان. (1) كونا قانۇن (تەخمىنەن 1220-يىلى)، شۋېتسىيىنىڭ ئەڭ كونا ئۆلكە قانۇنى، لېكىن ئانچە مۇكەممەل ۋە سىستېمىلىق ئەمەس. ئۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىقتىسادىي بىرلىك — ئۆزى تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلار كوممۇنىسىنىڭ تەشكىلىي ئەھۋالى ۋە يېزىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ماجىرالارنى ھەل قىلىشنىڭ تەپسىلىي قائىدىلىرى؛ شۋېتسىيىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ھەققىدىكىقەدىمكىئەمىر-پەرمانلار ھەم بەزى جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىنى جازالاش بەلگىلىمىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ كىرىش سۆزىدە «شۋېتسىيىلىكلەر بىر كورۇلنى ئېتىراپ قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغىمۇ يول قويۇلىدۇ» دېيىلگەن. بۇ ئەينى چاغدىكى شۋېتسىيىنىڭ كورۇلنى سايلام ئارقىلىق مەيدانغا كەلتۈرىدىغان ئىپتىدائىي كورۇللىق تۈزۈمىدىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. (2) يېڭى قانۇن، ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مەيدانغا كەلگەن. ئۇ كونا قانۇننىڭ يېڭىلانمىسى بولۇپ كونا قانۇنغا قارىغاندا مۇكەممەل ۋە سىستېمىلىق.

ۋاسلاۋⅠ

  • ۋاسلاۋⅠ[يەشمىسى:]» (VaslavⅠ، ياكى WenceslausⅠ، 1205 — 1253) چېخ كورۇلى (1230 — 1253)، ئوتتۇكارⅠ (Ottukar) نىڭ ئوغلى. تەختتىكى مەزگىلىدە، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى كورۇلى فرىدرىخ Ⅱ(FriedrichⅡ) بىلەن پاپا ئوتتۇرىسىدىكى ئېپىسكوپنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھوقۇقى ئۈستىدىكى ماجىراغا ئىشتىراك قىلغان؛ 1241-يىلى موراۋىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن موڭغۇل قوشۇنىنى چېكىندۈرگەن؛ گېرمانىيە مىسسىئونېرلىرى، رىتسارلىرى، سودىگەرلىرى ۋە قول ھۈنەرۋەنلىرىنى چېخقا كۆچۈپ كېلىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، چېخنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان.

ۋاسلاۋⅣ

  • ۋاسلاۋⅣ[يەشمىسى:]» ( VaclavⅣ ياكى WenceslausⅣ، 1361 — 1419) چېخ كورۇلى (1378 — 1419)، مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى (1378 — 1400). چارلېس (Ⅳ) نىڭ ئوغلى، تەختتىكى مەزگىلىدە، چېخ فېئوداللىرى ئۇنىڭ ئىنىسى ۋە ۋېنگرىيە كورۇلى سىگىسمۇند (Sigismund) نىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشقان؛ 1396-يىلى فېئوداللاردىن تەركىب تاپقان دائىمىي كومىتېت قۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ، پادىشاھلىق ھوقۇقىغا چەك قويۇلغان، 1400-يىلى گېرمانىيە بەگلىكلىرى تەرىپىدىن ئىمپېرىيە پادىشاھلىقىدىن قالدۇرۇلغان. تەختتىكى مەزگىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا ھۇس (Jan Hus) نىڭ دىنىي ئىسلاھات پائالىيىتىنى قوغداپ، گېرمانىيە دىندار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ چېختىكى تەسىرىنى ئاجىزلاتقان. ھۇس ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، قورققىنىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.

ۋاسىلىⅢ

  • ۋاسىلىⅢ[يەشمىسى:]»(ВасилийⅢ Иванович،1479— 1530) موسكۋا باش كىنەزى (1505 — 1533 ) ۋە پۈتۈن روسىيە باش كىنەزى (1521—1533). تەختكە چىققاندىن كېيىن داۋاملىق ھالدا دادىسى ئىۋانⅢ نىڭ سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن، قوشنا دۆلەتلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان، قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئاخىر شەرقىي شىمال روسىيىنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ۋارىسى بولمىغان ۋوگكولامىسىك ۋە كالۇگا قاتارلىق سۇيۇرغال كىنەزلىكلەرنى قوشۇۋالغان. 1510-يىلى ۋە 1521-يىلى يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پىسكوۋ ۋە رەزان كىنەزلىكلىرىنى موسكۋاغا قوشۇۋالغان.1514-يىلى لىتۋا باش كىنەزلىكىنى مەغلۇپ قىلىپ، لىتۋا پانلىرى ئىگىلىۋالغان سىمولېنىسكىنى قايتۇرۇۋالغان. ئوتتۇرا ۋە كىچىك ئاقسۆڭەكلەرگە تايىنىپ، چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنى چەكلەپ كۈچلۈك مەركىزىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنى قۇرۇپ چىقىپ، فېئودال خوجىلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشىغا يول قويماي، يەرلىك مەمۇرىي ئورگانلارنى ئۆزىنىڭ ئىشەنچلىك كىشىلىرىگە تۇتقۇزغان. يەنە ئەسكىرىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئاقسۆڭەكلەردىن تەركىب تاپقان قوشۇنغا ئىگە بولغان. ئەسلىدە جايلاردا تەپرىقىچىلىك قىلىپ مۇستەقىل بولۇۋالغان فېئودال خوجىلارمۇ موسكۋاغا ئىتائەت قىلىشقا باشلىغان. مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، موسكۋا باش كىنەزى پۈتكۈل دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئۆز قولىغا ئېلىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرگەن، بىرلىككە كەلگەن رۇس دۆلىتىنى ئاساسەن قۇرۇپ چىققان. شەرق ۋە غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتمۇ كۈچەيگەن.

ۋاسلىي شۇيسكىي

  • ۋاسلىي شۇيسكىي[يەشمىسى:]»(Василий Иванович Шуйский،1552—1612) روسىيىلىك چوڭ ئاقسۆڭەك،چارپادىشاھ (1606— 1610). سۇزدال خان جەمەتى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1605-يىلى6-ئايدا ، ئىۋان Ⅳ نىڭ كەنجى ئوغلى بولۇۋالغان يالغان دمىترىيⅠ(Лже дмитрий، 1605 — 1606-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نى ھىمايە قىلغان. ئىككىنچى يىلى5-ئايدا يالغان دمىترىيⅠ ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، چوڭ ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن چار كورۇل قىلىپ سايلانغان. تەختتىكى مەزگىلىدە، چوڭ ئاقسۆڭەكلەرگە تايىنىپ، بىر قاتار ئەمىر-پەرمانلارنى جاكارلاپ، فېئودال يانچىلىق تۈزۈمى مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن؛ پولشا قوراللىق مۇداخىلىچىلىرىگە قارشى ئۇرۇشتا قەدەمدە بىر مەغلۇپ بولۇپ، كەڭ خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپ، پۈتۈن روسىيىنىڭ ھەممىلا يېرىدە، دېھقانلار توپىلىڭىنىڭ قوزغۇلۇشىغا سەۋەب بولغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق قوزغىلاڭ-بولۇتنىكوۋ قوزغىلىڭى (1606 — 1607) نى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرغان. 1607-يىلى پولشا فېئوداللىرى روسىيىنىڭ ئىچكى قالايمىقانچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىككىنچى يالغان دمىترىينىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىنى يەنە بىر قېتىم قوللاپ، 1608-يىلى 6-ئاينىڭ باشلىرىدا قوشۇننى موسكۋا ئەتراپىغىچە ئېلىپ كەلگەن. روسىيە خەلقى ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ پولشا تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرغاندا، ئۇ شۋېتسىيە فېئوداللىرىدىن ياردەم سوراپ، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇپ، قىسمەن چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1610-يىلى 7-ئايدا، موسكۋادىكى ئاچارچىلىقتا قالغان خەلق توپىلاڭ كۆتۈرگەندە، ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان، پولشادا تۈرمىدىكى مەزگىلىدە ئۆلۈپ كەتكەن.

ۋاسۇباندۇ

  • ۋاسۇباندۇ[يەشمىسى:]» (Vasubandhu ، تەخمىنەن 400 — 430-يىللار) ھىندىستان ماھايانا بۇددىزمى يوگاسارا تارمىقىنىڭ بۈيۈك ئۇستازى. ئاسانگانىڭ (Asanga) نىڭ شاگىرتى. مۇھىم ئەسەرلىرىدىن «ۋىجناپىتماتراسىددى ۋىمسا كاكارىكا شاستىرا»، «ۋجناپىتماتراسىددى ترامسائىكا كارىكا شاستىرا»، «ماھايانا كامالەتكە يەتمەك توغرىسىدا»، «ماھايانا يۈز مەدھىيىسى ھەققىدە»، «پانساسكاندا-كاشاستىرا»، «بۇددا گوتراشاستىرا»، «ساماتخاۋىپاسىياناغا مەدھىيە» قاتارلىقلار بار.

ۋاسىلېۋىسكىي

  • ۋاسىلېۋىسكىي[يەشمىسى:]»(Александр Михайлович Василевский،1895— 1977) سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى. پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئارمىيىگە قاتناشقان. 1919-يىلى قىزىل ئارمىيىگە قاتنىشىپ، ئىچكى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1937-يىلى باش شتاب ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، باش شتابتا ئىشلىگەن. 1938-يىلى كومپارتىيىگە كىرگەن. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە، دەسلىپىدە مۇئاۋىن باش شتاب باشلىقى، قوشۇمچە ئۇرۇش قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. كېيىن باش شتاب باشلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مۇئاۋىن خەلق كومىسسارى، ئالىي قوماندانلىق شتابىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ستالىنگراد ۋە كۇرسك ئۇرۇشلىرىدا قوشۇننى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى باشقۇرغان.1945-يىلى يىراق شەرق قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان. 1946 — 1949-يىللىرى باش شتاب باشلىقى، قوراللىق كۈچلەر مىنىستىرلىكىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. 1949-يىلى قوراللىق كۈچلەر مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1950 — 1953-يىللىرى ھەربىي مىنىستىر بولغان.1953— 1957-يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى، مىنىستىرى بولغان. 1959-يىلى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باش تەپتىش باشلىقى بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 19-، 20-قۇرۇلتايلىرىدا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ئەڭ ئالىي سوۋېتىنىڭ ئىككىنچىسىدىن تۆتىنچى نۆۋەتلىككىچە ۋەكىل بولغان. ئۇنىڭ «ئۆمۈرلۈك ئىش»، «ئەسلىمە» دېگەن ئەسەرلىرى بار.

ۋاسىيلىق ئالۋان-ياساق تۈزۈمى ⅩⅧ — ⅩⅥ

  • ۋاسىيلىق ئالۋان-ياساق تۈزۈمى ⅩⅧ — ⅩⅥ[يەشمىسى:]» ئەسىرلەردە ئىسپانىيە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەردە ئىندىئانلارنى قۇل قىلىش يولىدا يۈرگۈزگەن بىر خىل تۈزۈم. ئۇنىڭدا: ئىسپانىيە خان جەمەتى تاپشۇرغان يەر ۋە مەلۇم ساندىكى ئىندىئانلارنى قوبۇل قىلغان ئىسپانىيىلىك مۇستەملىكىچىلەر («ۋاسىيلىق قىلغۇچى» دەپ ئاتىلىدۇ) نىڭ ئىندىئانلارنى بىناكارلىق، كان ئېچىش ۋە تېرىقچىلىق قاتارلىق ئەمگەكلەرنى قىلىشقا مەجبۇر قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ ھەم ئۇلارغا ئازراق ھەق بېرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە ۋاسىيلىق قىلغۇچىلاردا ئىندىئانلارنى ئەمگەككە سېلىش ۋە ئۇلاردىن ئالۋان-ياساق ئېلىش ھەم ئولپان ئېلىش ھوقۇقى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىندىئانلارغا «ھامىيلىق قىلىش»، ئۇلارنى تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق خرىستىئان مۇرىتى قىلىپ چىقىش مەجبۇرىيىتى بولغان. 1503-يىلى ئىسپانىيە كورۇلىۋاسى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بۇ تۈزۈمنى سانتودومىنگودا يولغا قويغان. كېيىن مېكسىكا، پېرۇ، ئارگېنتىنا قاتارلىق ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىسپانىيىگە تەۋە باشقا مۇستەملىكىلەردە يولغا قويغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ زوراۋانلىقى ئارقىسىدا، غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدىكى ئىندىئانلارنىڭ تۇخۇمى قۇرۇتۇلۇپ، بۇ تۈزۈمنىڭ ئورنىنى ئاستا-ئاستا نىگېر قۇللۇق تۈزۈمى ئالغان. 1592-يىلىدىن كېيىن يېڭى گرانادا قاتارلىق جايلاردا ئىسپانىيە خان جەمەتى يەرلەرنى سېتىۋېلىپ خۇسۇسىي خوجايىنلارغا بېرىپ، ئىش تەقسىم قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئايرىم جايلاردا بۇ تۈزۈمنىڭ قالدۇقلىرى ⅩⅧ ئەسىرگىچە ساقلانغان.1720-يىلى بىكار قىلىنغان.

ۋاشىنگتون

  • ۋاشىنگتون[يەشمىسى:]»(George Washington، 1732 — 1799) ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، تۇنجى زۇڭتۇڭ (1789 — 1797). ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ ۋېستمورلاند دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا يەر ئۆلچىگۈچى بولغان. كېيىن ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلىپ مايورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1755-يىلى ۋىرگىنىيە يەرلىك قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قوماندانى بولۇپ، كېيىن كولونېللىققا ئۆستۈرۈلگەن. يەتتە يىللىق ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، 1758-يىلى قوشۇندىن چېكىنگەن. 1759 — 1774-يىللىرى ۋىرگىنىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. 1774-ۋە 1775-يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بىرىنچى، ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىنىڭ ۋەكىلى بولغان ھەمدە ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىداچوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. ترېنتون (1776)، پرىنستون (1777)، ۋاللىفۇچ ۋە يوركتوۋن (1781) ئۇرۇشلىرى ئارقىلىق ئەنگلىيە قوشۇنىنى يەڭگەن. 1783-يىلىدىكى «پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى» ئارقىلىق ئەنگلىيىنى ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. 1787-يىلى قوشما شتات ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان. 1789-يىلى تۇنجى زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. 1793-يىلى قايتا تەيىنلەنگەن. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە، سودا-سانائەتنى راۋاجلاندۇرغان ۋە تاشقى سودىنى قوغدىغان؛ قوشما شتاتلار بانكىسىنى تەسىس قىلغان؛ ئەدلىيە نىزامنامىسىنى جاكارلىغان؛ قوشما شتات ئالىي سوتىنى قۇرۇپ چىققان. 1794-يىلى ئەنگلىيە بىلەن «جون جېيى شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، ئامېرىكا مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، خەلقنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ، كېيىن كېسەل بىلەن قازا قىلغان. ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىكى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقانلىقتىن «ئامېرىكا دۆلەت ئاتىسى» دەپ نام ئالغان.

ۋاشىنگتون يىغىنى

  • ۋاشىنگتون يىغىنى[يەشمىسى:]»«تىنچ ئوكيان يىغىنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە قاتارلىق جاھانگىر دۆلەتلەر يىراق شەرق ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇستەملىكە ۋە تەسىر دائىرىلىرىنى قايتىدىن بۆلۈشۈۋېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىن. 1921-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 1922-يىل 2-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، پورتۇگالىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، جۇڭگودىن ئىبارەت توققۇز دۆلەت قاتناشقان. يىغىندا ئۈچ شەرتنامە ئىمزالانغان: (1) ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە ۋە فرانسىيىدىن ئىبارەت «تۆت دۆلەت ئەھدىنامىسى»،«ئەنگلىيە-ياپونىيە ئىتتىپاقى» نىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن؛ (2) ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيىدىن ئىبارەت «بەش دۆلەت دېڭىز ئارمىيىلىرى كېلىشىمى» دە بەش دۆلەتنىڭ ئاساسلىق پاراخوتلىرى ۋە ئوكيان چارلاش پاراخوتلىرىنىڭ تونناژ نىسبىتى 75.1:75.1:3:5:5 بولۇشنى بەلگىلىگەن؛ (3) ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، پورتۇگالىيە ۋە جۇڭگودىن ئىبارەت «توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى» دا جۇڭگونىڭ مۇستەقىللىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى ئېتىراپ قىلىنىپ، جۇڭگو ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، ھەرقايسى ئەللەر «پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش» پرىنسىپى جاكارلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ يىراق شەرق ۋە تىنچ ئوكيان رايونىنى تالىشىش زىددىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن.

ۋافد پارتىيىسى

  • ۋافد پارتىيىسى[يەشمىسى:]»مىللىي پارتىيە دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. al·Wafd نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئەرەبچىدە ئەسلى ۋەكىللەر ئۆمىكى دېگەن مەنىدە. مىسىرنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدا تەسىرگە ئىگە بۇرژۇئا پارتىيىسى. 1918 — 1919-يىللىرى ئەنگلىيىگە قارشى ھەرىكەت داۋامىدا زەھلول رەھبەرلىك قىلىپ قۇرۇپ چىققان. ئەنگلىيىنىڭ «ھامىيلىق ھوقۇقى» نى بىكار قىلىپ، مىسىرنىڭ تولۇق مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1923-يىلى بىرىنچى قېتىملىق پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، ئىككىنچى يىلى زەھلول زۇڭلىلىقىدىكى تۇنجى ۋافد پارتىيىسى كابىنېتىنى تەشكىللىگەن. 1927-يىلى زەھلول قازا قىلىپ، ناھاس پاشا (Nahas Pasha، 1876 — 1965) داھىي بولۇپ بىر مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن.1935-يىلىدىن باشلاپ، ئەنگلىيىگە بولغان پوزىتسىيىسى كۈندىن-كۈنگە يۇمشاپ كەتكەن. 1952-يىلى مىسىر ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن، يەر ئىسلاھاتىغا قارشى تۇرغان.1953-يىلى پائالىيىتى مەنئى قىلىنغان.

ۋاكاتسۇكى رىئېجىرو

  • ۋاكاتسۇكى رىئېجىرو[يەشمىسى:]»(1866—1949)ياپونىيە باش ۋەزىرى(1926— 1927، 1931). ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. باش باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، مالىيە مۇئاۋىن ئەمەلدارى، مالىيە ۋەزىرى بولغان. ئاساسىي قانۇنچى يولداشلار جەمئىيىتىگە مەنسۇپ.1924— 1926-يىللىرى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ، «ئومۇم سايلام قانۇنى» ۋە «ئامانلىقنى ساقلاش قانۇنى» نى تۈزۈشكە قاتناشقان.1926-يىلى كاتو تاكائاكىدىن كېيىن ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ لىدىرى بولۇپ، ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەن. 1931-يىلى خاماگۇچى يۇكودىن كېيىن خەلق سىياسىي پارتىيىسىنىڭ لىدېرى بولۇپ، يەنە بىر قېتىم ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەن. كېيىن مۇھىم ۋەزىر سۈپىتىدە ياپونىيە-ئامېرىكا ئۇرۇشىغا قارشى تۇرغان، تودزىئو ئىچكى كابىنېتىغا قارشى ھەرىكەتكە قاتناشقان. «كونا ئۆرپ-ئادەت ھەققىدە ئەسلىمە» دېگەن ئەسىرى بار.

ۋاڭ جەمەتى كورىيە خاندانلىقى

  • ۋاڭ جەمەتى كورىيە خاندانلىقى[يەشمىسى:]» «كورىيە» گە قارالسۇن.

ۋاڭ جيەن

  • ۋاڭ جيەن[يەشمىسى:]»(877—943). چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. يەنى كورىيە تەيزۇسى (918 — 943). تەخەللۇسى روتيەن. سۇڭيۆ ۋىلايىتى (پايتەخت ئەتراپى ۋىلايىتى كېسون شەھىرى) دىن سىللا دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىدا گوڭيىغا بېقىنىپ، سۇڭيۆ شەھەر خوجىسى، تيېيۈەن ۋالىيسى بولغان. جەڭدە ئارقا-ئارقىدىن تۆھپە قوشقاچقا، گۇڭيىنىڭ ئىشەنچسىگە ئېرىشىپ، ئۇنىڭ ئالىي ئەمەلدارىغا ئايلانغان. يەنە غەربىي جەنۇبى دېڭىز رايونىدىكى ئەسكەرلەرگە قوماندانلىق قىلىپ، ئەمەلىي كۈچى تەدرىجىي كۈچەيگەن.مىلادى918-يىلى گۇڭيىنى ئاغدۇرغاندىن كېيىن، باشقىلار تەرىپىدىن خان قىلىپ تىكلىنىپ كورىيە سۇلالىسىنى قۇرغان. كەيجىن (كېسون شەھىرى) نى پايتەخت قىلىپ، جېنشۈەننىڭ كېيىنكى پېكچى دۆلىتى ۋە سىللا خانلىقى بىلەن تىركىشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن.935-يىلى سىللا دۆلىتىنىڭ چىڭ شون خانى تەسلىم بولغان، 936-يىلى كېيىنكى پېكچى دۆلىتىنى يېڭىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەن، سىللا دۆلىتىنىڭ كونا تۈزۈلمىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى تەرتىپكە سېلىپ، مەركەزدە ئۈچ ۋازارەت (ھۈدەيچى-شىغاۋۇل ۋازارىتى، باش دىۋان ۋازارىتى، ئۈچ مەھكىمە)، ئالتە پىرقە، توققۇز دىۋان، ئىككى قوشۇن، خانلىق ياساۋۇل تەسىس قىلىنغان؛ يەرلىكتە ئايماق، مەھكىمە، ۋىلايەت، ناھىيە، بۇچۈلەرنى تەسىس قىلىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرگەن ھاكىمىيەتنى يولغا قويغان، بۇددا دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان.

ۋاڭ رىن

  • ۋاڭ رىن[يەشمىسى:]»چاۋشيەننىڭ ئۈچ دۆلەت دەۋرىدىكى پېكچى خانلىقى دەۋرىدىكى ئالىم. مىلادى Ⅳ ئەسىردە ياپونىيىدىكى پېكچىلىك ئالىم ئاجىچىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن «مۇھاكىمە ۋە بايان» نىڭ ئون جىلدىنى «1000 خەتلىك دەستۇر» نىڭ بىر جىلدىنى ئېلىپ ياپونىيىگە بېرىپ شاھزادىگە ئۇستاز بولغان. كۇڭزىچىلىق ئىدىيىسى شۇنىڭدىن باشلاپ ياپونىيىدە تارقالغان. ياپونىيىنىڭ تارىخلىرىدا خەيرلىك ئۇستاز خېئېرجى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرى خېئىي دۆلىتى قەدىمكى شەھىرى (يۈيېيې شەھىرى) دە، خەنزۇچىغا پىششىق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوردىدا يېزىق-خاتىرە ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغانمىرزا-كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

ۋاڭ يى، ۋاڭ سويىلار قوزغىلىڭى

  • ۋاڭ يى، ۋاڭ سويىلار قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]»چاۋشيەن كورىيە خاندانلىقىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى خەلق قوزغىلىڭى. 1176-يىلى (مىنزۇڭ 6-يىلى) 1-ئايدا گۇاڭجۇدىكى مىڭخېسو دېھقانلىرىدىن ۋاڭ يى، ۋاڭ سويىلار دېھقانلارنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، گۇاڭجۇنى ئالغان، ۋاڭ يى ھەربىي قوشۇننىڭ قوماندانى بولغان. 3-ئايدا كېسون (ھازىرقى كەيچىڭ) نىڭ 3000 كىشىلىك خىل ئەسكىرىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. سەننەن رايونىدىكى دېھقانلار كەينى-كەينىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. مىنزۇڭ ۋە ۋۇچىڭ ھاكىمىيىتى يۇمشاق قوللۇق سىياسەت قوللانغان. 6-ئايدا مىڭ خېسۇنى جۇڭشۈن ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتكەن ھەمدە ئۇنىڭغا ناھىيە ئامبىلى، يامۇل بېگى ئەۋەتكەن. قوزغىلاڭچى قوشۇن بۇنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، گۇاڭجۇنى ئىگىلەپ تۇرۇۋەرگەن. 9-ئايدا كېسون سەننەنگە پەرمانبەگ ئەۋەتكەن. قوزغىلاڭچى قوشۇن لىسەن ناھىيىسىنى بېسىۋېلىپ، يەرلىك ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈرگەن. ئىككىنچى يىلى 1-ئايدا ۋاڭ يى، ۋاڭ سويىلار كەيچېڭغا بېرىپ تەسلىم بولۇشنى تەلەپ قىلغاندا، يالاپ يېزىغا قايتۇرۇلغان. 3-ئايدا ۋاڭ يى، ۋاڭ سويىلار يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، قوزغىلاڭچى قوشۇن جايېسەنگە تۇيۇقسىز يۈرۈش قىلىپ، خۇاڭلى ناھىيىسى، جېنجۇ، ياشەنلەرگە ھۇجۇم قىلغان، چىڭجو ۋىلايىتىدىكى ناھىيىلەرنى (شۈيى ناھىيىسىدىن باشقا) ئىشغال قىلغان. 7-ئايدا، ۋاڭ يى، ۋاڭ سويىلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن پارچىلانغان.

ۋالاخىيىلىكلەر مۇراجىئەتنامىسى

  • ۋالاخىيىلىكلەر مۇراجىئەتنامىسى[يەشمىسى:]»مېموراندۇم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1791-يىلدىكى رۇمىنىيە مىللىي ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي پروگراممىسى. رۇمىنىيە زىيالىيلىرىنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، ترانسلۋانىيىدىكى بارلىق رۇمىنىيىلىكلەر (راھىب، ئاقسۆڭەك، ھەربىي ۋە پۇقرالار) نامىدىن ئېلان قىلىنىپ، رۇمىنىيە مىللىتىدىن تارتىۋېلىنغان سىياسىي ھوقۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ پاناھىغا ئېلىنغۇچى، ئىلتىپاتقا ئېرىشكۈچى دېگەندەك ھاقارەتلىك ئاتاشلارنى بىكار قىلىش، رۇمىنىيە مىللىتى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇش، دۆلەت مەجلىسىگە قاتنىشىش ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى نوپۇس نىسبىتى بويىچە ئېلىپ بېرىش؛ مىللىي يىغىن ئېچىش ھوقۇقى بېرىش تەلەپ قىلىنغان. شۇ يىلى 3-ئايدا، مۇراجىئەتنامە ئاۋسترىيە كورۇلى لېئوپولد Ⅱ گە سۇنۇلغان. 5-ئايدا كرول پارلامېنتقا سۇنۇلغاندا رەت قىلىنغان. مۇراجىئەتنامە ھەرىكىتى مىللىي ئازادلىق ۋە رۇمىنىيە دۆلىتىنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كۈرىشىنىڭ دولقۇنىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ۋالپول

  • ۋالپول[يەشمىسى:]»(Robert Walpole، 1676 — 1745) ئەنگلىيە ۋېگ پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى، مالىيە ۋەزىرى (1715 — 1717، 1721 — 1742). ياشلىق دەۋرىدە ئىياتون ھۆكۈمەت مەكتىپى ۋە كىمبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1701-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1712-يىلى خىيانەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، لوندون مۇنارىغا قامالغان.1713-يىلى پالاتاغا قايتىپ كەلگەن. ئىككىنچى نۆۋەت مالىيە ۋەزىرى بولغان چاغدا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىي يولباشچىسى بولۇپ قالغان. ۋەزىر بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە ھازىرقى زامان مەسئۇل كابىنېتىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلىتىپ، كابىنېت باشلىقى بىلەن كابىنېت ئەزالىرى پارلامېنت ئالدىدا كوللېكتىپ جاۋابكار بولۇش تۈزۈمىنى تىكلىگەن؛ مونارخىيىنى ئاجىزلاشتۇرغان؛ ئۇ يەنە باجنى كېمەيتىپ، ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىشنى كۆپەيتكەن، تاشقى سودىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بايلىقىنى ئاشۇرغان؛ چېركاۋنىڭ تەسىر كۈچلىرىنى چەكلىگەن. 1742-يىلى ئاۋسترىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى داۋامىدا قولغا چىققۇدەك جەڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، پارلامېنتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

ۋالدو مەزھىپى

  • ۋالدو مەزھىپى[يەشمىسى:]»(Vaudois ياكى Vaudois des Alpes) «لېئان كەمبەغەللەر مەزھىپى» مۇ دېيىلىدۇ. خرىستىئان بىدئەت مەزھىپى. تەخمىنەن 1170-يىلى فرانسىيىنىڭ لېئان شەھىرىدىكى سودىگەر پېئېر ۋالدو (Pierre Valdo، ؟ — 1217) قۇرۇپ چىققان. دەسلىپىدە ئىتالىيىنىڭ شىمالىي ۋە فرانسىيىنىڭ جەنۇبىغا تارقالغان، كېيىن گېرمانىيە، شۋېتسارىيە ۋە چېخقا تارقالغان. بۇ مەزھەپ يوقسۇللۇقنى تەشەببۇس قىلىپ، كاتولىك چېركاۋلىرىنىڭ مال-مۈلۈك ئىگىلىشى ۋە ئۆشرە-زاكات يىغىشىغا قارشى تۇرۇپ، مىسسىئونېرلار رىياسەتچىلىكىدىكى ھەر خىل دىنىي مۇراسىملارنى ئىنكار قىلغان، مۇقەددەس سۈرەت، بۇتلارغىمۇ چوقۇنمىغان. مۇرىتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قول سانائەتچىلەر ۋە دېھقانلاردىن ئىبارەت. دىنىي سوتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. ⅩⅥ ئەسىردە دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىگە قاتناشقان. بۇ مەزھەپنىڭ بەزى تەشكىلاتلىرى ⅩⅩ ئەسىرگىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.

ۋالدېرس

  • ۋالدېرس[يەشمىسى:]»(Alfred Graf Von Waldersee، 1832 — 1904) گېرمانىيە مارشالى. پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشى (1866) ۋە پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى (1870) غا قاتناشقان. 1871-يىلى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىملىق فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق كونسۇل بولغان. 1882-يىلى مۇئاۋىن شتاب باشلىقى بولغان. 1888 — 1891-يىللىرى شتاب باشلىقى بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە فرانسىيە ۋە روسىيىگە قارشى ئالدىن قول سېلىش ئۇرۇشى ئېلىپ بارماقچى بولغاندا، بىسماركنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1891-يىلى 9-جۈنتۇەننىڭ قوماندانلىقىغا يۆتكەلگەن. 1898-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش نازارەتچىسى بولغان، 1900-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشاللىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. 1900 — 1901-يىللىرى سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، جۇڭگودىكى يىخېتۇەننىڭ جاھانگىرلىككە قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرغان.

ۋالدېمارⅣ

  • ۋالدېمارⅣ[يەشمىسى:]»(ValdemarⅣ، تەخمىنەن 1320 — 1375) دانىيە كورۇلى (1340 — 1375). تەختتىكى مەزگىلىدە، ئاقسۆڭەكلەر توپىلىڭىنى باستۇرۇپ، مونارخىيىلىك ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملىگەن ھەمدە بالتىق دېڭىزىدىن شىمالىي دېڭىزغا كىرىشتە ئۆتىدىغان يول زۇند بوغۇزى (ياكى ئورې بوغۇزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى بىر مەھەل كونترول قىلغان. خانسا (Hansa ياكى Hanse) ئىتتىپاقى بىلەن ئىككى قېتىم ئۇرۇش قىلغان؛ بىرىنچى قېتىمقىسى (1361 — 1363) دا غەلىبە قىلىپ، «ئۇتېنپوگې سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، ئۇنىڭ دانىيىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئىمتىيازىغا چەك قويغان؛ ئىككىنچى قېتىمقىسى (1368 — 1370) دا مەغلۇپ بولۇپ، «سىترالسۇند سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ خانسا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ دانىيىدىن بەھرىمەن بولغان ئىمتىيازىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە كېڭەيتكەن.

ۋالدىۋىيە

  • ۋالدىۋىيە[يەشمىسى:]»(Pedro de Valdivia، 1500 — 1554) ئىسپانىيىلىك مۇستەملىكىچى. پىزاررو بىلەن بىرگە ۋېنسۇ-ئېلا ۋە پىروغا تاجاۋۇز قىلغان. 1540-يىلدىن باشلاپ چىلىغا تاجاۋۇز قىلغان. 150 نەپەر ئىسپانىيىلىكنى باشلاپ، لىمادىن يولغا چىقىپ، دېڭىز بويلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، ھازىرقى چىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا بارغان، كېيىن سانتياگۇ قاتارلىق مۇستەملىكە نۇقتىلىرىنى قۇرغان ھەمدە ئالتۇن-كۈمۈش كانلىرىنى ئېچىپ، بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلغان. يەنە ئاندىس تېغىدىن ئۆتۈپ ئارگېنتىنانىڭ غەربىي قىسمىدا كېزىپ تەكشۈرگەن. 1552-يىلى بۈگۈنكى چىلىنىڭ جەنۇبىي قىسىم رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ، يەرلىك خەلق — ئاراۋكانلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1554-يىلى ئاراۋكانلارغا ئەسىر چۈشۈپ، ئۆلتۈرۈلگەن.

ۋالرا

  • ۋالرا[يەشمىسى:]» (Leon Walras،1834— 1910) فرانسىيىلىك ئىقتىسادشۇناس، لۇزاننا (Lausannee) ئىلمىي ئېقىمىغا ئاساس سالغۇچى. ئەسلىدە كانچىلىق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ئىدى. كېيىن كەسىپ ئۆزگەرتىپ مۇخبىر بولغان. 1870 — 1892-يىللىرى لۇزاننا ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسىي ئىقتىساد پروفېسسورى بولغان. چەتكى ئۈنۈم (ئۈنۈمدارلىق) قىممىتى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادشۇناسلىق ماددىي بايلىقلارنىڭ تەقسىم قىلىنىشى ئارقىلىق ئىنسانلار ئارزۇسىنىڭ قاندۇرۇلۇشىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان پەن، ئۇ، ئۈنۈمنىڭ كېمىيىپ بېرىش قانۇنىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئىقتىسادنىڭ مۇۋازىنەتلىكى تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق تەتقىق قىلغان؛ ھەر خىل ئىقتىسادىي ھادىسىلەر، ئالايلۇق، تاۋار بىلەن تەمىنلەش، تەلەپ ۋە باھا قاتارلىقلار سانلىق مۇناسىۋەت بولۇپ ئىپادىلىنىپ، بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ، بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە مۇئەييەن شارائىتتا مۇۋازىنەتلىككە يېتىدۇ؛ ھەربىر ئىقتىسادىي ئۆزگەرگۈچى ساندىكى بىردىنبىر ھەل قىلغۇچ ئامىلنى سەۋەبىيەت ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىزدىمەستىن، بەلكى بۇ ئىقتىسادىي ئۆزگەرگۈچى سانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى فۇنكسىيىلىك مۇناسىۋەت قىلىپ ئىپادىلەپ، تەڭلىمىلەر سىستېمىسى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىممىتىگە بىرلا ۋاقىتتا ئىگە بولۇش لازىم، دەپ ھېسابلىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «نوقۇل ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى»، «ئىجتىمائىي بايلىق ھەققىدىكى ماتېماتىك نەزەرىيە» قاتارلىقلار بار.

ۋالكېر

  • ۋالكېر[يەشمىسى:]»(William Walker، 1824 — 1860) ئامېرىكا سىياسىي تەۋەككۈلچىسى. 1853-يىلى توپىلاڭچىلارنى باشلاپ، مېكسىكىغا بېسىپ كىرىپ پاراكەندىچىلىك سېلىپ، تۆۋەن كالىفورنىيە بىلەن سونورا (Sonora) نىڭ «مۇستەقىل» بولۇشىنى پىلانلاپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن. 1855-يىلى ئاز سانلىق توپىلاڭچىلارنى باشلاپ، نىكاراگوئاغا كېلىپ توپىلاڭ كۆتۈرۈشكەئورۇنغان؛ ئىككىنچى يىلى نىكاراگوئانىڭ «زۇڭتۇڭلۇق» ئەمىلىنى تارتىۋالغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. نىكاراگوئادا قۇللۇق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ھەمدە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىنى ئىگىلىۋېلىشنى پىلانلىغان. 1857-يىلى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بەش دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندا، ئامېرىكا پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ دۆلىتىگە قايتقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى قېتىم توپىلاڭچىلارنى يىغىپ، نىكاراگوئا ۋە ھوندۇراسقا بېسىپ كىرىپ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرغان. 1860-يىلى ئەنگلىيىلىكلەر تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ، ھوندۇراس ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.

ۋاللا

  • ۋاللا[يەشمىسى:]»(Lorenzo Valla، 1407—1457) ئىتالىيىلىك گۇمانىزمچى، رىمدا ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1431-يىلى مىسسىئونېر بولغان. تەخمىنەن 1437-يىلى ئاراگون كورۇلى ئالفونسو Ⅴ (AlfonsoⅤ) نىڭ كاتىپى بولغان. 1448-يىلى رىمغا بېرىپ، پاپانىڭ كاتىپى بولغان. كاتولىك چېركاۋلىرى تەرغىپ قىلغان مەدرىس پەلسەپىسى ۋە زاھىتلىققا قارشى تۇرۇپ، ئۆز ئەسىرى — «راھەت-پاراغەت ۋە ھەقىقىي بەخت» تە راھەت-پاراغەت ۋە بەخت قوغلىشىش يەنىلا ئىنساننىڭ تۇغما خۇسۇسىيىتى دەپ قارىغان. كېيىن يەنە «كونستانتىن ھەدىيىسىنىڭ راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش» دېگەن ماقالىنى يېزىپ، پۇختا تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش ئارقىلىق، پاپا ئىتالىيە ۋە غەربىي ياۋروپاغا سىياسىي جەھەتتىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھوقۇقلۇق دېيىشكە ئاساس قىلىنغان «كونستانتىن ھەدىيىسى» نىڭ يەنىلا يالغان مەدەنىي يادىكارلىق ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئۇنىڭدا قوللىنىلغان لاتىن يېزىقىنىڭ مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى كونستانتىن دەۋرىنىڭ لاتىن يېزىقى بولماستىن، بەلكى مىلادى Ⅷ ئەسىردىكى لاتىن يېزىقى ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ چىققان. بۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىدئەتلەرگە ھۆكۈم قىلىش ئورنىنىڭ قوغلاپ تۇتۇشىغا ئۇچرىغان، ئالفونسوⅤ نىڭ ھامىيلىق قىلىشى ئارقىسىدىلا تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ھايات قالغان.

ۋاللاخىيىدىكى 1821-يىلدىكى قوزغىلاڭ

  • ۋاللاخىيىدىكى 1821-يىلدىكى قوزغىلاڭ[يەشمىسى:]»«تودور. ۋىلادىمىرىسكۇ» ۋە «پادېس خىتابنامىسى»غا قارالسۇن.

ۋاللاخىيە كىنەزلىكى

  • ۋاللاخىيە كىنەزلىكى[يەشمىسى:]»ⅩⅣ — ⅩⅨ ئەسىرلەردىكى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى فېئوداللىق كىنەزلىك، قەدىمكى ئاھالىسى ئاساسەن، گېتلار ۋە داكىلار (Daci) ئىدى. مىلادى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، ئاھالىسى بارا-بارا رىملاشتۇرۇلغان. مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا رىم ھۆكۈمرانلىقىدىن ئايرىلغان. مىلادى Ⅳ ئەسىردىن Ⅵ ئەسىرگىچە، ھونلار ۋە ئاۋارلار (Abars) بۇ يەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن سلاۋىيان (Славяне) لار ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كېلىشكەن. مىلادى Ⅸ ئەسىردىن Ⅹ ئەسىرگىچە بىرىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. Ⅹ ئەسىردىن Ⅻ ئەسىرگىچە ئىلگىرى-كېيىن پېچىنەكلەر (Pechenegi) ۋە پولوۋسلار (Polovtsy) لارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا موڭغۇللار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ۋېنگرىيىگە بېقىنغان.ⅩⅣ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇستەقىل ۋاللاخىيە كىنەزلىكىنى قۇرغان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيە سۇلتانلىقى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، ⅩⅥ ئەسىردە پۈتۈنلەي ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە قوشۇۋېتىلگەن. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ۋاللاخىيە كىنەزى مىخائى (Mihai Viteazui، باتۇر) لەشكەر تارتىپ چىقىپ تۈركلەرگە قارشى تۇرۇپ، رۇمىنىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم ۋاللاخىيە، مولدوۋا ۋە ترانسىلوۋانىيىنى بىر ھاكىمىيەت ئاستىغا بىرلەشتۈرگەن. لېكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا پارچىلىنىپ كەتكەن. 1859-يىلى ۋاللاخىيە كىنەزلىكى بىلەن مولدوۋا كىنەزلىكى قوشۇلۇپ، بىرلەشمە كىنەزلىك تەشكىل قىلغان، 1861-يىلى رۇمىنىيە كىنەزلىكى دەپ ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا تۈركىيىگە قارام بولۇپ قېلىۋەرگەن؛ 1877-يىلى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ، رۇمىنىيە پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ چىققان.

ۋاللې-ئىنكلان

  • ۋاللې-ئىنكلان[يەشمىسى:]»(Ramon Maria del ValleInclan،1866—1936) ئىسپانىيىلىك يازغۇچى. ئەسلى ئىسمى رامون دېل ۋاللېي پانا (Ramon del Valley Pana). بىرىيانۇ ئېۋادا تۇغۇلغان. ئادۋوكات، تىياتىر ئۆمىكىنىڭ دىرېكتورى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1892 —1893-يىللىرى مېكسىكىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن.1895-يىلىدىن باشلاپ مادرىتتا 15 يىل تۇرۇپ،«1898-يىللاردىكى بىر ئەۋلاد» ئەدەبىيات ھەرىكىتىگە قاتناشقان. پادىشاھلىق تۈزۈمىگە، مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە ۋە چېركاۋنىڭ زۇلمىغا قارشى تۇرغان. لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلغان. 1932-يىلىدىن باشلاپ مادرىد ئەدەبىيات كۇلۇبى «ئاتىنو» نىڭ رەئىسى بولغان ھەمدە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. دەسلەپكى ئەسەرلىرىدىن «سۇناتا» قاتارلىقلار قويۇق دىكادېنتلىق پۇرىقىغا ئىگە. ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئەسەرلىرىدە كاپىتالىستىك جەمئىيەتنى تەنقىد قىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ مەشھۇر رومانلىرىدىن «زالىم كورۇل بەندېراس»، ئۈچ قىسىملىق سەھنە ئەسىرى «بىمەنە كومېدىيە»، تارىخىي رومان «ياشىسۇن ئىگەم» قاتارلىقلار بار.

ۋالمىكى

  • ۋالمىكى[يەشمىسى:]»(Vālmīki) ئەنئەنىۋى قاراش بويىچە ئېيتقاندا، قەدىمكى ھىندىستاننىڭ مەشھۇر ئىپۇسى «رامايانا» نىڭ ئاپتورى.

ۋالمى ئۇرۇشى

  • ۋالمى ئۇرۇشى[يەشمىسى:]»فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە، فرانسىيە ئارمىيىسى ۋالمى (Valmy) دا پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە مۇداخىلە ئارمىيىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان ئۇرۇش، 1792-يىل 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، برۇنسۇسىك (Brunswick) قوماندانلىقىدىكى پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى قاچاق پادىشاھپەرەسلەرنىڭ قوللىشى بىلەن، فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مۇھىم ھەربىي بازار ۋېردۇننى بېسىۋالغان ھەمدە ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ پارىژغا قىستاپ كەلگەن. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى دومۇئۇرېئىز (Dumouriez) ۋە كىلېمان ئاساسەن يالاڭتۆش ئەزىمەتلەردىن تەشكىل قىلىنغان فرانسىيە پىدائىيلار قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ، مارنا ئۆلكىسىنىڭ ۋالمى يېزىسىدا تاجاۋۇزچى قوشۇن بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىپ، پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ فرانسىيە ئارمىيىسى پۈتۈن سەپ بويىچە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن ھەمدە 10-ئايدا ئىگىلىۋېلىنغان زېمىنىنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇۋالغان.

ۋالېنس

  • ۋالېنس[يەشمىسى:]»(Flavius Valens، تەخمىنەن 328 — 378) قەدىمكى رىم كورۇلى (364 — 378). پاننونىيە (Pannonia، دۇناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى رايون) دە تۇغۇلغان. ئىنىسى ۋالېنتىنىئانۇس (Valentinianus) بىلەن بىللە، كورۇل بولۇپ، بۇيرۇققا بىنائەن ئىمپېرىيىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىلادى 373-يىلى پېرسىيە ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، كېيىن كېلىشكەن. خرىستىئان دىنىنىڭ «بىدئەت» ئارىئۇس (Arius) مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان. غەربىي گوتلار ھۇنلار (Huns) نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئىمپېرىيىنىڭ چېگرىسىغا باستۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن،مىلادى375-ياكى 376-يىللىرى ئۇلارنىڭ مۇئېسىيە (Moesia، دۇناي دەرياسى تۆۋەن ئېقىمىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقى) ئۆلكىسىگە كۆچۈپ كېلىشىگە يول قويغان. كېيىن غەربىي گوتلار زۇلۇمغا چىدىماي، رىمغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، فراكىيىگە كەلگەندە، ۋالېنس لەشكەر تارتىپ چىقىپ باستۇرغان. مىلادى 378-يىلى ئادرىئا نوپول (Adrianopolis) ئۇرۇشىدا ھالاك بولغان.

ۋالېنسې شەرتنامىسى

  • ۋالېنسې شەرتنامىسى[يەشمىسى:]» 1813-يىلى نويابردا ئىسپانىيىدىن فرناندوⅦ بىلەن فرانسىيىدىن ناپولېئون ئىمزالىغان شەرتنامە. فرانسىيىنىڭ ۋالېنسې (Valence) دېگەن يېرىدە ئىمزالانغانلىقتىن شۇ نام بىلەن ئاتالغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، فېرناندو ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئىگە بولىدىغان، لېكىن جەزمەن ئىسپانىيە بىلەن ئەنگلىيىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدىغان ھەمدە فرانسىيە ئىشغال قىلىۋالغان مەزگىلدىكى فرانسىيە پەرەسلەرنى ئىشلىتىدىغان بولغان.1814-يىلى 2-ئايدا فرانسىيە ئارمىيىسى پىرېنېي يېرىم ئارىلىدىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئىسپانىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

ۋالېنسىتېئىن

  • ۋالېنسىتېئىن[يەشمىسى:]»(Albrecht Wenzel EusebiusvonWallenstein، 1583 — 1634) مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ قوماندانى. چېخىيىلىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلى پروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، كېيىن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 1624-يىلى كىنەز بولغان،1625-يىلى، كورۇل فېردىناند Ⅱ تەرىپىدىن ئىمپېرىيە قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 100 مىڭ كىشىلىك ياللانما قوشۇنغا قوماندانلىق قىلغان. 1626-يىلى 4-ئايدا، پروتېستانت بەگلىكلىرى قوشۇنىنىڭ قوماندانى مانسفىلېد (Ernst Mansfeld، 1580 — 1627) نى يەڭگەن، 1626 — 1627-يىللىرى دانىيە كورۇلى خرىستىئان Ⅳ (Christian Ⅳ) نى مەغلۇپ قىلغان. بۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن، فېردىناند ئۇنىڭغا مېكلېنبۇرگ (Mecklenburg) كىنەزلىكىنى بەرگەن. تەشەببۇسكارلىق بىلەن گېرمانىيە بالتىق دېڭىزى فلوتىنى قۇرۇپ چىققانلىقتىن،1628-يىلى فېردىناند يەنە «ئاتلانتىك ئوكيان ۋە بالتىق دېڭىزى گېنېرالى» دېگەن نامنى بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن كاتولىك دىنى ئىتتىپاقى باشلىقى ماكسىمىلىئانⅠ (باۋارىيىلىك) قاتارلىقلار خاتىرجەمسىزلىنىپ، 1630-يىلى فېردىناندنى ئۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان. 1631 — 1632-يىللىرى، شۋېتسىيە قوشۇنى كاتولىك دىنى ئىتتىپاقى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان، ئىتتىپاق قوماندانى تىلى جەڭدە ھالاك بولغان. فېردىناند 1632-يىلى ۋاللېنستېننى قايتىدىن ئىمپېرىيە قوماندانى قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا چوڭ ھوقۇق بەرگەن. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى لوتزېن (Lutzen سابىق دېموكراتىك گېرمانىيىنىڭ ھاللې رايونىدا) ئۇرۇشىدا شۋېتسىيە تەرىپىدىن يېڭىلگەن. كېيىن شۋېتسىيە بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكتىن يەنە بىر قېتىم ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. 1634-يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى قول ئاستىدىكى ئوفىتسېر تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان.

ۋان بۇرېن

  • ۋان بۇرېن[يەشمىسى:]»(Martin Van Buren، 1782 — 1862) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1837 — 1841). دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. نيۇ-يورك شتاتىدا تۇغۇلغان. 1803-يىلى ئادۋوكات بولغان ھەمدە سىياسىي ساھەدە پائالىيەت قىلغان. 1821 — 1828-يىللىرى كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان.1829يىلىنيۇ-يورك شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1829—1831-يىللىرى دۆلەت ئىشلىرىكاتىپى بولغان.1832— 1836-يىللىرى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1836-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە «دۆلەت خەزىنىسى مۇستەقىل بولۇش قانۇنى» نى ئېلان قىلغان؛ ئون سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى بەلگىلىگەن. تاشقى جەھەتتە زېمىنىنى پائال كېڭەيتكەن. «ئامېرىكىدىكى پارتىيىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە جەريانى ئۈستىدە تەتقىقات» دېگەن ئەسىرى بار.

ۋاندال

  • ۋاندال[يەشمىسى:]»(Albert Vandal، 1853—1910) فرانسىيىلىك تارىخشۇناس. 1896-يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. سورېل (Sorel) بىلەن بىللە دىپلوماتىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ناپولېئون دەۋرىدىكى فرانسىيە-روسىيە مۇناسىۋىتىنى ئالاھىدە تەتقىق قىلغان. ناپولېئوننى كۈچىنىڭ بارىچە مەدھىيلەپ، ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتىنى بېزەپ كۆرسەتكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ناپولېئون ۋە ئالېكساندر Ⅰ»، «بوناپارتنىڭ باش كۆتۈرۈشى» قاتارلىقلار بار.

ۋانداللار

  • ۋانداللار[يەشمىسى:]»(Vandals) قەدىمكى گېرمان قەبىلىسى. مىلادى Ⅲ _ Ⅰ ئەسىرلەردە ئودېر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى بىلەن دۇناي دەرياسى ئەتراپىغا تارقالغان. مىلادى 335-يىلى رىم ئىمپېراتورى كونستانتېننىڭ ئىجازىتى بىلەن پاننونىيە (Pannonia، كۆپ قىسمى ھازىرقى ۋېنگرىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە چېگرىسى ئىچىدە) گە كىرىپ ئولتۇراقلاشقان. Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرى ھونلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ، ئالانلار بىلەن بىرلىشىپ، گاللىيە ئارقىلىق ئىسپانىيىگە كۆچۈپ بارغان. ئۇزاق ئۆتمەي غەربىي گوتلار بۇ يەرگە تۆپە-تۆپىلەپ يېتىپ كەلگەن. ۋانداللارنىڭ كاتتىبېشى گېنسېرىك ۋانداللار بىلەن ئالانلارنى باشلاپ 429-يىللىرى دېڭىزدىن ئۆتۈپ شىمالىي ئافرىقىغا كىرگەن. ئون يىللىق ئېلىشىش ئارقىلىق رىمدىن ئافرىقا ئۆلكىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى تارتىۋالغان.439-يىلى كارفاگېننى بېسىۋېلىپ ۋانداللار پادىشاھلىقىنى قۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە سىتسىلىيە، ساردىنىيە، كورىسكا ۋە بالېئار تاقىم ئاراللىرىنى بېسىۋالغان. 455-يىلى دېڭىزدىن ئۆتۈپ رىم شەھىرىنى ئېلىپ، 14 كۈن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، زور تۈركۈم قىممەتلىك مەدەنىيەت-سەنئەت مىراسلىرىنى ۋەيران قىلغان. ۋاندال ئاقسۆڭەكلىرى شىمالىي ئافرىقىدا كۆپ زېمىننى ئىشغال قىلىۋېلىپ، قۇللار بىلەن بېقىندى دېھقانلارنى ئىشقا سالغان، بۇ، ۋانداللارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى باي-كەمبەغەلگە بۆلۈنۈشنى تېزلەتكەن.533— 534-يىللىرى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ سەركەردىسى بېلسارې (Belisarius) تەرىپىدىن قوشۇن تارتىپ بېرىپ بويسۇندۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ۋانداللار ئاستا-ئاستا يەرلىك ئاھالىلەرگە سىڭىشىپ كەتكەن.

ۋاندوم تۈۋرۈكى

  • ۋاندوم تۈۋرۈكى[يەشمىسى:]»ناپولېئون ھەربىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن پارىژدىكى ۋاندوم (Vendome) مەيدانىدا ياساتقان مىس خاتىرە تۈۋرۈك. جۇمھۇرىيەتنىڭ 12-يىلى ئۈزۈم پىشىقى ئېيى (1803-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى) پەرمانىغا ئاساسەن ياسىلىپ، 1810-يىلى پۈتكەن. تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى 44 مېتر، دىئامېترى 6.3 مېتر كېلىدۇ.سىرتى1805-يىلدىكى ئۇرۇشتا ئولجا ئېلىنغان 1200 برۇنزا زەمبىرەكنى ئېرىتىپ قۇيدۇرۇپ چىقىلغان. تۈۋرۈكتە 32 سەنئەتكار ياساپ چىققان 22 يول بۇرمىسىمان سىزىق شەكىلدىكى قاپارتما نەقىش بولۇپ، ئارمىيىنىڭ تۆھپىسىنى كۆرسىتىدۇ. تۈۋرۈكنىڭ تۆت تەرىپىگە ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنىڭ قاپارتما نەقىشلىرى ئويۇلغان بولۇپ، تۆت بۇرجىكى بۈركۈت نەقىشى بىلەن زىننەتلەنگەن. تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىگە ناپولېئوننىڭ غەلىبە ئايال تەڭرىسىنى تۇتۇپ تۇرغان ئۆرە ھەيكىلىئورنىتىلغان.1871-يىل 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، پارىژ كوممۇنىسى زەپەر تۈۋرۈكىنى چېقىپ تاشلاش توغرىسىدا پەرمان ئېلان قىلىپ، ئۇ «ۋەھشىي ھەرىكەتنىڭ خاتىرىسى، ھەربىي كۈچ ۋە شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ سىمۋولى» دەپ كۆرسەتكەن. 5-ئاينىڭ 16-كۈنى چېقىپ تاشلانغان. 1875-يىلى قايتا ياسالغان.

ۋاندېرۋېلد

  • ۋاندېرۋېلد[يەشمىسى:]»(Emile Vandervelde، 1866 — 1938) بېلگىيە ئىشچىلار پارتىيىسى ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئوڭ قانات باشلىقلىرىنىڭ بىرى. ئىكسېللېستا تۇغۇلغان. بىريۇسسېل داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. ئادۋوكات، پروفېسسور بولغان. 1885-يىلى بېلگىيە ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن ھەمدە مەزكۇر پارتىيىنىڭ باشلىقى بولغان. 1894-يىلى ئاۋام پالاتاسىغا ئەزا بولغان. 1900-يىلدىن باشلاپ ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىجرائىيىتىگە رەئىس بولغان. 1914-يىلى بۇرژۇئازىيە ھۆكۈمىتى كابىنېتىغا قاتناشقان. 1917-يىلى روسىيىنىڭ فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن روسىيىگە بېرىپ كىرىنىسكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىشقا قۇتراتقان. كېيىن روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىغا قارشى تۇرغان. 1918 — 1921-يىللىرى ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ۋەزىرى بولغان.1925—1927-يىللىرى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1935—1936-يىللىرى بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ ۋەزىرى بولغان. 1936 — 1937-يىللىرى ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ۋەزىرى بولغان، «ۋېرسال شەرتنامىسى»، «لۇگگارۇس ئەھدىنامىسى» قاتارلىقلارنى تۈزۈشكە قاتناشقان. «1885 — 1925-يىللاردىكى بېلگىيە ئىشچىلار پارتىيىسى»، «بېلگىيە سوتسىيالىزمى»، «سوتسىيالىزم دۆلەتكە قارشى تۇرىدۇ» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ۋاندېيە توپىلىڭى

  • ۋاندېيە توپىلىڭى[يەشمىسى:]» ۋاندېيە ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرى فرانسىيىنىڭ ۋاندېيە (La Vandee) ۋىلايىتىدە مونارخىستلار قوزغىغان ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭ. ۋاندېيە ۋىلايىتى فرانسىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان چېگرا رايون بولۇپ، قاتناش قولايسىز، مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالغانىدى. ئۇ يەردىكى ئاھالىلەر كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، ئاقسۆڭەكلەر بىلەن روھانىيلار دېھقانلارنىڭ دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇتراتقان.1793يىل2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەسكەر ئېلىش پەرمانى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دېھقانلار مونارخىستلارنىڭ قۇترىتىشى ئاستىدا 3-ئاينىڭ 10-كۈنى كەڭ كۆلەمدە توپىلاڭ كۆتۈرگەن، توپىلاڭ غەربىي قىسىمدىكى ھەرقايسى ۋىلايەتلەرگىچە كېڭىيىپ، ئىنقىلابقا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغان، مىللىي ئۇيۇشما بىلەن ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتى ئەسكەر ئەۋەتىپ باستۇرۇپ، توپىلاڭنى بىر مەزگىل تىنچىتقان. تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ۋاندېيە توپىلىڭى يەنە كۆتۈرۈلگەن. 1795-يىلى 2 — 5-ئايلاردا ئىسسىق ئايچىلار چوڭ كەچۈرۈم قىلىش، ھەربىي مەجبۇرىيەتتىن ئازاد قىلىش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە يول قويۇش شەرتى ئاستىدا، توپىلاڭچى قوشۇننىڭ باشلىقلىرى بىلەن مۇرەسسە ھاسىل قىلغان. لېكىن شۇ يىلى 6-ئايدا كىبېرون يېرىم ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋاندېيە رايونىدىكى توپىلاڭ يەنە كۆتۈرۈلگەن. توپىلاڭ جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن توپىلاڭ بىرىنچى ئىمپېرىيە دەۋرىگىچە ئارىلاپ-ئارىلاپ داۋام قىلغان.

ۋاۋىلوۋ

  • ۋاۋىلوۋ[يەشمىسى:]»(Сергей Иванович Вавилов، 1891 — 1951) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى فىزىكا ئالىمى. سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1914-يىلى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، چاقىرىق بويىچە ئەسكەرلىككە كىرگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1929-يىلى فىزىكا پروفېسسورى بولغان. 1932-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1945-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان. مىكرو ئوپتىكىنى، بولۇپمۇ يورۇقلۇق چىقىرىشنى مەركەزلىك تەتقىق قىلغان. چېرېنكوۋ رادىئاتسىيىسى ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە كەشپ قىلىنغانلىقتىن، بۇ، «چېرېنكوۋ-ۋاۋىلوۋ ئېففېكتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەبىئەت دىئالېكتىكىسى ۋە ئىلىم-پەن تارىخىنىمۇ تەتقىق قىلغان.

ۋائىللانت كوۋتۇرىې

  • ۋائىللانت كوۋتۇرىې[يەشمىسى:]»(Couturi-Paul Vaillant، 1892 — 1937) فرانسىيىلىك يازغۇچى ۋە مۇخبىر. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1916-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن ھەمدە ئۇنىڭ سول قانىتىغا مەنسۇپ بولغان، روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنى قوللىغان. 1920-يىلى تۇر قۇرۇلتىيىدا فرانسىيە كومپارتىيىسىگە كىرىپ، 1921-يىلدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى بولۇپ، فرانسىيە كومپارتىيىسىگە ۋەكالىتەن كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئۈچىنچى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1926-يىلىدىن باشلاپ «ئىنسانپەرۋەرلىك گېزىتى» دە مۇھەررىر بولغان، 1935 — 1937-يىللىرى باش مۇھەررىربولغان.1910— 1937-يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. ئامىستېردام خەلقئارالىق ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش يىغىنى ۋە خەلقئارا يازغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەتنى قوغداش يىغىنىغا قاتناشقان. «ئەسكەرلەر ئۇرۇشى»، «ئوتپوسكا»، «قىزىل ۋاگون»، «يېڭى ھايات قۇرغۇچىلىرى»، «شېئىرلار توپلىمى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ۋايسا

  • ۋايسا[يەشمىسى:]»(Vyasa) رىۋايەت قىلىنىشىچە قەدىمكى ھىندىستاننىڭ مەشھۇر ئىپۇسى «ماھاباراتا» نىڭ ئاپتورى.

ۋايسالى

  • ۋايسالى[يەشمىسى:]»(Vaisāli) بۇددىزم باش كۆتۈرۈپ چىققان دەۋردىكى لىچچاۋىلارنىڭ پايتەختى، شۇنداقلا قارجى بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى (ھازىرقى پاتنانىڭ شىمالىدا). شەھەر مۇستەھكەم ھەم ھەيۋەتلىك بولغان. ئېيتىلىشىچە ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى ئۈچ قەۋەت سېپىل بىلەن ئورالغان بولۇپ، ھەربىر قەۋەت سېپىلنىڭ دەرۋازىسى بىلەن راۋاقلىرى بولغان. ئۇ، ئەينى زاماندىكى سەككىز چوڭ مەشھۇر شەھەرنىڭ بىرى بولغان. جائىنىزم (Jainism) غا ئاساس سالغۇچى ۋاردامانا (Vardhamana) مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ باشلىرى بۇ يەردە ئىككىنچى قېتىملىق بۇددىزم نوملىرىنى توپلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

ۋايسىيا

  • ۋايسىيا[يەشمىسى:]»(Vaisya) قەدىمكى ھىندىستاندىكى تۆت چوڭ ۋارنا (تائىپە) نىڭ ئۈچىنچى ۋارناسى. ئۇلار ئادەتتىكى ئارىيانلارنىڭ ئادەتتىكى خەلق ئاممىسى، جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى ئىدى. «مانو قانۇنى» دا ئۇلارنىڭ «چارۋىچىلىق، سەدىقە بېرىش، كانچىلىق، ۋېدا نومىنى ئۆگىنىش، سودا، جازانىخورلۇق قىلىش ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى» بەلگىلەنگەن. ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي بۆلۈنۈش تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايلار (مەسىلەن: چوڭ سودىگەرلەر) ھۆكۈمران سىنىپلار قاتارىغا كىرگەن. ئەكسىچە بىر قىسمى نامراتلىشىپ سۇدرا ۋارناسىدىكى تىرىكچىلىك قىلغۇچىلارغا ئايلانغان. بىراق ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى سالاھىيىتى ئۆزگەرتىلمىگەن.

ۋايلانت

  • ۋايلانت[يەشمىسى:]»(Florimon - -Edouard Marie Waillant، 1840 — 1915) 1871-يىلىدىكى فرانسىيە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئەزاسى. بلانكىزمچى. تىببىي ۋە فىزىكا پەنلىرى دوكتورى بولغان. 1870-يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكىئىنقىلابتىنكېيىن،20-رايون مەركىزىي كومىتېتى ۋە مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئەزاسى بولغان. 1871-يىلى 3ئاينىڭ18-كۈنى پارىژ ئىشچىلىرى قوزغىلىڭىدىن كېيىن، كوممۇنا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. كوممۇنا ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، مائارىپ كومىتېتى ۋەكىللىكىگە تەيىنلەنگەن، كوممۇنا باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيىگە قېچىپ كېتىپ، ئۆزى قاتناشمىغان ئەھۋالدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. لوندوندا ماركس بىلەن تونۇشقان ھەمدە بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال باش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغاسايلانغان.1872-يىلى باش كومىتېت نيۇ-يوركقا كۆچكەندىن كېيىن، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىن چېكىنىپ چىققان. 1880-يىلدىكى ئومۇمىي كەچۈرۈمدىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. بلانكى ۋاپات بولغاندىن كېيىن بلانكىزمچىلارنىڭ مەركىزىي ئىنقىلابىي كومىتېتىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1884 — 1893-يىللىرى پارىژ شەھەر مەمۇرىيىتى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. 1888-يىلى «ھۈرلەر گېزىتى» نى نەشىر قىلغان، كېيىن «ئىنسانپەرۋەرلىك گېزىتى» نىڭ تەھرىرى بولۇپ، جائۇرېس (Jean Jaures) نىڭ دوستىغا ئايلانغان. 1893-يىلى ئاۋام پالاتاسىغا سايلانغان. 1901-يىلى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان.1905— 1915-يىللىرى بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، دۆلەتنى قوغداش مەسلىكى مەيدانىدا تۇرغان.

ۋەتەن پارتىيىسى

  • ۋەتەن پارتىيىسى[يەشمىسى:]» (1) 1879-يىلى 1-ئايدا ئەنگلىيىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى كونتروللۇقىغا قارشى كۈرەش جەريانىدا قۇرۇلغان مىسىر مىللەتچى سىياسىي پارتىيىسى. ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى زىيالىيلار، ۋەتەنپەرۋەر ئوفىتسېرلار، مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر ئەزالىرىدىن ئىبارەت. مىسىرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداپ، دېموكراتىك سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ھەربىي كۈچنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1881-يىلى ئەرەبى پاشا رەھبەرلىكىدە ئىككى نۆۋەت قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تەۋپىق پاشانى «ياۋروپالىقلار ئىچكى كابىنېتى» نى تارقىتىۋېتىشكە مەجبۇر قىلغان. 1882-يىلى 2-ئايدا، بۇ پارتىيە كابىنېت تەشكىللەپ، بارۇدى (Barudi) باش ۋەزىرلىككە، ئەرەبى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. 7-ئايدا، ئەنگلىيە مىسىرغا تاجاۋۇز قىلغاندا، ئۇلار ھەربىي ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئەنگلىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا زەربە بەرگەن. بىراق تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش مەغلۇپ بولۇپ، ئەرەبى، بارۇدى قاتارلىق رەھبەرلىرى سەيلون (ھازىرقى سېرىلانكا) غا سۈرگۈن قىلىنغان ۋە چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، قالغان ئەزالىرى قايتا «ئىتتىپاق جەمئىيىتى» بولۇپ تەشكىللەنگەن. (2) 1907-يىل 12-ئاينىڭ 10-كۈنى قۇرۇلغان مىسىر مىللەتچى سىياسىي پارتىيىسى. «يېڭى ۋەتەن پارتىيىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رەئىسى كامال. ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشىنى، مىسىردا مىللىي مۇستەقىللىك ۋە دېموكراتىك سىياسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەشەببۇسقىلغان.1908-يىلى كامال ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مۇھەممەد فەرىد داھىي بولغان. بۇ پارتىيە ئوقۇغۇچىلار، ئىشچىلار ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەنگلىيىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1909-يىلدىن باشلاپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى زىيانكەشلىكنى كۈچەيتىپ، فەرىد چەت ئەلگە قوغلانغان، تەشكىلات بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. (3) گېرمانىيە يۇنكېر-بۇرژۇئازىيىنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسىي پارتىيىسى. 1917-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان. پارتىيە يولباشچىلىرىدىن دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى تىرپىچ، كاپ قاتارلىقلار بار. ئەزالىرى يۇنكېر-پومېشچىكلار، مىلىتارىست-بيۇروكراتلار، پۇل-مۇئامىلە كاپىتالىستلار، سانائەت ماگناتلىرى ۋە ئەكسىيەتچى پروفېسسورلاردىن تەركىب تاپقان. بۇ پارتىيە گېرمانىيىنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇش سىياسىتىنى كۈچىنىڭ بارىچە قوللاپ، سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى تەرغىپ قىلغان. 1918-يىلى 12-ئايدا تارقىلىپ كەتكەن.

ۋەتەنپەرۋەرلەر جەمئىيىتى

  • ۋەتەنپەرۋەرلەر جەمئىيىتى[يەشمىسى:]»رۇمىنىيىنىڭ مولدوۋا ئۆلكىسىدىكى مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا ئىلغار زىيالىيلاردىن مالىنېسكۇ (Vasile Malinescu، 1817 — 1866)، كۇزا قاتارلىقلار قۇرغان. باش شتابى ۋاسلۇئىدا (Vaslui) قۇرۇلغان، شۆبىلىرى مولدوۋانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە تارالغان. گرىتسوگ سىتوردزا (Mihail Sturdza، 1821 — 1901) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، قانۇن جەھەتتىكى باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش، قۇللارنى ئازاد قىلىش، جاڭزا بېجىنى بەلگىلەشنى مەقسەت قىلغان. قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشنى پىلانلىغان، سىتوردزا تەرىپىدىن باستۇرۇلغان، بىر قىسىم ئەزالىرى قولغا ئېلىنغان، قالغانلىرى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن.

ۋەتەنپەرۋەرلەر گۇرۇھى

  • ۋەتەنپەرۋەرلەر گۇرۇھى[يەشمىسى:]»1906-يىلى بۇلغارىيە بۇرژۇئازىيە ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيە پارتىيىسى راچو پېتروۋ (Рачо Петров) ئىچكى كابىنېتىغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە قۇرغان سىياسىي ئىتتىپاق. ئۇنىڭغا خەلق پارتىيىسى، تەرەققىيپەرۋەر ئەركىنلىك پارتىيىسى، دېموكراتىيە پارتىيىسى، رادىكاللار پارتىيىسى، ئوڭ قانات سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قاتارلىقلار قاتناشقان. 1903-يىلى كورۇل فېردىناند بۇلغارىيە چوڭ بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ھاكىمىيەتنى تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا لايىقلىشىش ئۈچۈن، سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ پارتىيىسى — خەلق ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىشىنى بەلگىلەپ، «پارتىيىسىز» گېنېرال راچوپېتروۋنى زۇڭلى قىلىپ تەيىنلىگەن. يېڭى ھۆكۈمەت ئەكسىيەتچىل تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1906-يىلى بۇ گۇرۇھ خەلقنىڭ نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالماقچى بولغان. 1908-يىلىنىڭ باشلىرىدا ھۆكۈمەتتە كرىزىس يۈز بەرگەندە، بۇ گۇرۇھقا قاتناشقان دېموكراتىيە پارتىيىسى كورۇل فېردىناندنىڭ كابىنېت تەشكىل قىلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، گۇرۇھ ئىچىدىكى باشقا پارتىيىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ گۇرۇھ ئاستا-ئاستا تارقىلىپ كەتكەن.

ۋەتەنپەرۋەرلەر ئۇيۇشمىسى

  • ۋەتەنپەرۋەرلەر ئۇيۇشمىسى[يەشمىسى:]»ياپونىيىدىكى مېيجىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە ھەممىدىن بۇرۇن قۇرۇلغان مەملىكەت خاراكتېرلىك سىياسىي تەشكىلات. 1875-يىلى 2-ئايدا كوچىدىكى ئىرادىلىكلەر ئۇيۇشمىسى بىلەن جايلاردىكى خەلق ھوقۇقى تەرەپدارلىرى بىرلىشىپ تەشكىل قىلغان. دەسلەپ قۇرۇلغاندا ئاران 40 ئادەم قاتناشقان. ئۇ خەلق ھوقۇقى ۋە دۆلەت ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلغان. پائالىيەت خىراجىتى بولمىغانلىقتىن، قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەن. 1878-يىلى 9-ئايدا يېڭىباشتىن قۇرۇلغان. 1879-يىلى 3-ئايدا تەرەققىي قىلىپ 18 ناھىيىدىكى 21 تەشكىلاتنى بىرلەشتۈرگەن مەملىكەت خاراكتېرلىك پارتىيىگە ئايلانغان. 1880-يىلى 3-ئايدا پارلامېنت دەۋرىدىكى ئىتتىپاق دەپ ئاتىلىپ، پارلامېنتنىڭ تەلەپ قويۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يادرولۇق كۈچكە ئايلانغان.

ۋەتەن فرونتى پروگراممىسى

  • ۋەتەن فرونتى پروگراممىسى[يەشمىسى:]»بۇلغارىيە بىرلىك سەپ تەشكىلاتى ۋەتەن فرونتىنىڭ جاھانگىرلىككە، فاشىزمغا قارشى دېموكراتىك پروگراممىسى. 1942-يىلى يازدا بۇلغارىيە كومپارتىيىسىنىڭ چەت ئەلدىكى ئىش باشقۇرۇش ئورنى دېمىتروۋنىڭ رەھبەرلىكىدە بەلگىلەنگەن. پروگراممىدا: بۇلغارىيە بىلەن ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ ئىتتىپاقىنى بىكار قىلىپ، «ئۈچ دۆلەت ئەھدىنامىسى» دىن چېكىنىپ چىقىش؛ بۇلغارىيىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشىنى چەكلەپ، سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقى ۋە باشقا تىنچلىقپەرۋەر مىللەتلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش ھەمدە دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىش؛ ئۆز دۆلىتىنىڭ زېمىنىدىن گېرمانىيە فاشىست تاجاۋۇزچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، بارلىق فاشىستىك تەشكىلاتلارنى تارقىتىۋېتىش؛ فاشىست جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالاپ، خەلقنىڭ سىياسىي ئەركىنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ گېرمانىيىگە ئاشلىق ۋە خام ئەشيا چىقىرىشنى توختىتىپ، دۆلەت بايلىقىنى چەت ئەللىكلەرنىڭ ئىگىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىش، خەلقنىڭ ئاشلىق تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە دۆلەت ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا شەرت-شارائىت يارىتىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. پروگرامما خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ فاشىستىك مونارخىيىلىك دىكتاتۇرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، ۋەتەن فرونتى ھۆكۈمىتىنى بەرپا قىلىشقا ئىدىيىۋى ئاساس ياراتقان.

ۋەتەن قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى

  • ۋەتەن قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى[يەشمىسى:]»چاۋشيەندىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ فرونتى تەشكىلاتى. 1935-يىلدىن كېيىن، دۇنيا بويىچە فاشىزمغا قارشى بىرلىك سەپ ھەرىكىتىنىڭ قانات يېيىشىغا ئەگىشىپ، كىمئىرسېن (1912 — 1994) نىڭ رەھبەرلىكىدە، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق ۋەتەنپەرۋەر كۈچلەر ئىتتىپاقلىشىپ، پائال خىزمەت ئىشلەپ، 1936-يىل 5-ئاينىڭ5-كۈنى، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدا «ۋەتەن قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇشتىكى «ئون چوڭ پروگرامما» نى بەلگىلىگەن. ئۇنىڭدا: ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. سىياسىي، ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار، دىپلوماتىيە قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەرگە دائىر كونكرېت كۈرەش پروگراممىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. جەمئىيەت ئەزاسى 200 مىڭ كىشىدىن ئارتۇق بولۇپ، كىم ئىرسېن جەمئىيەت باشلىقى بولغان. ئورگان ژۇرنىلى «1-مارت ئايلىق ژۇرنىلى» بولۇپ، خەلقنىڭ ئېڭىنى ئويغىتىپ، كەڭ ئاممىنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قوراللىق كۈرەشنى قوللاشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە تەشكىللەشتە مۇھىم رول ئوينىغان.

ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتى

  • ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتى[يەشمىسى:]»جامائەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە مىللىي ئۇيۇشما قۇرغان مۇھىم ھوقۇقلۇق ئورگان. 1793-يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنى قۇرۇلغان. مىللىي ئۇيۇشما ئەزالىرى ئىچىدىن توققۇز كىشىنى تاللاپ تەشكىل قىلىنغان، بەلگىلىمە بويىچە ھەر ئايدا بىر قېتىم قايتىدىن سايلانغان، داۋاملىق سايلىنىشقا بولغان، ئۇلار مىللىي ئۇيۇشما ئالدىدا جاۋابكار بولاتتى. دەسلەپ ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى گىروندىچىلاردىن تەركىب تاپقان، دانتون ئۇنىڭ يادرولۇق ئادىمى بولغان. 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنغاندىن كېيىن، دانتون ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان، ئۇنىڭغا سېن-جۇست بىلەن كۇتون كىرگەن. 27-كۈنى روبېسپېررې كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە قاتناشقان. ئۇنىڭدىن كېيىن كارنوت، بىللائۇدۋارېننې ( Varenne-J.N.Billaud، 1756 — 1819) ۋە كوللوت-دېربوئىس ( de Herbois-J.M.Collot، 1750 — 1796) لار كەينى-كەينىدىن قاتناشقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەزالىرى 12 گە يەتكەن. ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنغاندىن كېيىنكى ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتى ياكۇبىن دىكتاتۇرىسىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش مەركىزى ۋە رەھبەرلىك ئاپپاراتى بولۇپ، دۆلەت ئورگىنى ۋە ئارمىيىنى كونترول قىلغان، ئىچكى-تاشقى سىياسەتنى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ئىشلىرىنى بەلگىلىگەن، ئەمەلىيەتتە فرانسىيىنىڭ ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى بولغان. 1794-يىلى تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنىپ، ھوقۇقى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇلغان. 1795-يىل10ئاينىڭ26-كۈنى مىللىي ئۇيۇشما بىلەن بىر ۋاقىتتا تارقىتىۋېتىلگەن.

ۋەخپە

  • ۋەخپە[يەشمىسى:]»دىنىي جامائەت مۈلكى دېگەن مەنىدە. ئىسلام دۆلەتلىرى ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتكە ئىئانە قىلغان يەر ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرى. دەسلەپكى خەلىپە ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىلا مەيدانغا كەلگەن. كېيىن ئىسلام دىنى دۆلەتلىرىدە راسا ئەۋج ئالغان. ۋەخپە مەسچىت مۈلكى ۋە دىنىي مەبلەغ سۈپىتىدە، ئاساسەن، دىن، خەير ئېھسان، مائارىپ قاتارلىق ئىشلارغا سەرپ قىلىنىدۇ. ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، گۆرۈگە قويۇش ياكىئېلىپ-سېتىشقا بولمايدۇ ھەمدە مۈلۈك بېجىدىن خالاس قىلىنىدۇ.

ۋەزىر

  • ۋەزىر[يەشمىسى:]»(Wazir)، ئىسلام دۆلەتلىرىدە باش ۋەزىرنىڭ ئاتىلىشى. بۇ نام ئىراننىڭ ساسانىيلار سۇلالىسىدىن كەلگەن. ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مەنسۇر تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە تەسىس قىلىنىشقا باشلىغان. ھوقۇقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، زوراغالىق مەھكىمىسىگە رەھبەرلىك قىلغان، ئۆلكىلەردىكى باش ۋالىيلارنى خىزمەتكە تەيىنلەش ياكى خىزمەتتىن قالدۇرۇش ھوقۇقى بولغان. ئەرەب ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئىسلام دۆلەتلىرىدە بۇ ئەمەل يەنىلا ساقلىنىپ قالغان. ئوسمان ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدە، مەركەزدىكى نۇرغۇنلىغان ئەمەلدارلار ۋە ئۆلكە باش ۋالىيلىرىدا بۇ نام بولۇپ، باش ۋەزىر دەپ ئاتالغان. ئۇ ۋەزىرلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولۇپ، سۇلتاندىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، سۇلتاننىڭ ھەربىي، ھۆكۈمەت ۋە دىپلوماتىيە ھوقۇقىنى ۋەكالىتەن يۈرگۈزگەن. باش ۋەزىرلىك مەنسىپى 1922-يىلى تۈركىيە سۇلتانىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ ئېلىپ تاشلانغان.

ۋەكىللەر ئۆمىكى يىلى

  • ۋەكىللەر ئۆمىكى يىلى[يەشمىسى:]»يەنى ھىجرىيىنىڭ 9-يىلى (مىلادىيە 630 — 631-يىللىرى). شۇ يىلى ئىسلام دىنى كۈچلىرى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى قەبىلىلەر مەدىنىگە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سادىقلىقىنى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن؛ خرىستىئان دىنى ۋە يەھۇدىي دىنى مۇرىتلىرىمۇ ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ ئۆزلىرىنىڭ بويسۇنغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشى ئاساسەن ئورۇندالغان. شۇڭلاشقا تارىخشۇناسلار بۇ يىلنى «ۋەكىللەر ئۆمىكى يىلى» دەپ ئاتىغان.

ۋەلى ئۇلاھشاھ

  • ۋەلى ئۇلاھشاھ[يەشمىسى:]»(WaliUllah Shah، 1703 — 1762)ⅩⅢ ئەسىردىكى ھىندىستان ئىسلام دىنى ئىسلاھاتچىسى. دېھلىدا تۇغۇلغان. بالىلىق چېغىدىن باشلاپلا دادىسىدىن ئۆگەنگەن. كېيىن دادىسى ئاچقان راھىم ئىنستىتۇتىدا 12 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1732-يىلى مەككىگە ھەج قىلغىلى بېرىپ، مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى بىلەن ئالاقە قىلغان. 1737 — 1738-يىللىرى «قۇرئان» نى پارس تىلىغا تەرجىمە قىلغان، شۇ چاغدىكى ھىندىستان ئىسلام دىنىدىكى جاھالەتلىك ھادىسىلەردىن نارازى بولۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىجتىمائىي تەڭسىزلىكنى يوقىتىپ ئىسلام دىنى مەزھەپلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى پەسەيتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي مەنپەئىتىنى قوغداپ، موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان. ھەقىقىي باراۋەر «ئادالەتلىك دۆلەت» قۇرۇش نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فېئوداللىق تۈزۈم زۇلۇمى ئاستىدىكى دېھقانلار ۋە قول ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ھاياتىدا تەخمىنەن 50 پارچە ئەسەر قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، ئاساسلىقى «ئاللانىڭ چوڭقۇر ئىسپاتلىرى» دىن ئىبارەت. ئۆلگەندىن كېيىن، شاگىرتلىرى ئۇنىڭ دىنىي ئىسلاھات ئىشلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرغان.

ۋەنجى قوزغىلىڭى

  • ۋەنجى قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]»چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى خەلق قوزغىلىڭى. 1198-يىلى (شېنزۇڭ 1-يىلى)، كېسون (ھازىرقى كەيچېڭ)دىكى شەخسىي قۇل ۋەنجى قاتارلىق ئالتە كىشى ھەمىشە قۇللارنى سۇڭيۆ تېغىغا توپلاپ، مەخپىي ھالدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش، سۇي جۇڭشيەننى ئۆلتۈرۈپ، رەزىل كىتابلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشنى مەسلىھەتلەشكەن. قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ۋاقتىغا ئاز قالغاندا، ئادىمى بىرنەچچە يۈزگە يەتمىگەن، ئۇلار پۇجى بۇتخانىسىدا يەنە توپلىشىشقا كېلىشكەن، خەن يۈيجۇڭنىڭ ئۆيىدىكى قۇلنىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشى تۈپەيلىدىن، ئىش پاش بولۇپ قېلىپ، ۋەنجى قاتارلىق 100 دەك ئادەم قولغا ئېلىنىپ دەرياغا تاشلانغان، شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.

ۋەنچۈن دۆلىتى

  • ۋەنچۈن دۆلىتى[يەشمىسى:]» مىلادى 544-يىلى لىفېن بەرپا قىلغان ھاكىمىيەت. «لىفېن قوزغىلىڭى»غا قاراڭ.

ۋەندۇ شەھىرى

  • ۋەندۇ شەھىرى[يەشمىسى:]»قەدىمكى شەھەرنىڭ نامى. چاۋشيەن كوگۇريونىڭ كونا پايتەختى. سەنشاڭنىڭ 10-ئەۋلاد بېگى يەنيۇ (يەنە بىرنامى ۋىيگۇڭ)دىن گۇگويۈەننىڭ 16-ئەۋلاد بېگى سىيو (ياكى مىنجاۋ)نىڭ پايتەختى مۇشۇ يەر ئىدى. بۇ شەھەر مىلادى 198-يىلى (سەنشاڭ بېگى 2-يىلى) قۇرۇلۇشقا باشلاپ، 209-يىلى (سەنشاڭ بېگى 13-يىلى) پايتەخت مۇشۇ يەرگە كۆچۈرۈلگەن. 342-يىلى (گۇگويۈەن بېگى 12-يىلى) سىيانپىيلار قۇرغان يەن بەگلىكىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ئۆتكەن مۇرۇڭخۇاڭ كوگۇريوغا ھۇجۇم قىلغان چاغدا ۋەيران قىلىنغان. كېيىن پايتەخت مەملىكەت ئىچىدىكى شەھەر (ھازىرقى جۇڭگو جىلىن ئۆلكىسىنىڭ جىئەن دېگەن يېرى)گە يۆتكەلگەن. ۋەندۇ شەھىرىنىڭ خارابىسى ھازىرقى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ جىئەن ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا ئۈچ كىلومېتر كېلىدىغان سەنچىڭزى دېگەن يېرىدە. شەھەرنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ، مۇھىم جايلارغا تاشتىن قورغان سېلىنغان. شەھەرنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە دەرۋازا خارابىلىرى بار. ئۇدۇل دەرۋازىدا (جەنۇبىي دەرۋازا) قوۋۇق سېپىلى بار. شەھەر ئىچىدىكى بىر ئورۇندا نۇرغۇن كۆركەم تۈۋرۈكنىڭ ئۇلى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بەلكىم ئوردا سارىيىغا ئوخشاش قۇرۇلۇشلارنىڭ خارابىسى بولسا كېرەك. يەنە بىر ئورنىدا كۆزىتىش پەشتىقى (باتۇرلارنى يوقلىما قىلىش پەشتىقى)نىڭ خارابىسى بار. ۋەندۇ شەھىرىنىڭ خارابىسى ئەتراپىدا كوگۇريونىڭ قەدىمكى قەبرىستانلىقلىرى ۋە خاۋ تەيۋاڭ ئابىدىسى قاتارلىق مۇھىم قەدىمىي ئاسار ئەتىقىلەرمۇ بار.

ۋەندۇڭ بۇتخانىسى

  • ۋەندۇڭ بۇتخانىسى[يەشمىسى:]»چاۋشيەننىڭ جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسىدىكى ۋەنلى خان بىلەن چوڭ چېن خانغا نەزىر-چىراق قىلىدىغان بۇتخانا. ۋەنلى خان چاۋشيەن رېنچېڭ مۇداپىئە ئۇرۇشىدا ئارمىيە ۋە ماددىي ئەشيا بىلەن چاۋشيەننىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم قىلغان. چوڭ چېن مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى پادىشاھ ئىدى، مىڭ سۇلالىسىگە ھۈرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، چۈەن شاڭشيا سۈڭ شىليېنىڭ ۋەسىيىتىگە بىنائەن، 1703-يىلى مۇشۇ بۇتخانىنى سالغان. بۇ بۇتخانا جۇڭچىڭ بېيىداۋ ئۆلكىسى خۇەيشەن ۋىلايىتىنىڭ خۇاياڭ بىلىم يۇرتىغا سېلىنغان، خۇاياڭ بىلىم يۇرتى سۇڭ شىليېنى ئارزۇلايدىغان جاي بولغانلىقى ئۈچۈن، لى سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى لاۋلۇن، شاۋلۇنلار يۇرت تالىشىشتا، بۇ يەر لاۋلۇنلارنىڭ مۇقەددەس ئورنى بولغان. 1871-يىلى دايۈەنجۈن (شىڭشۇەن) يۇرت تالىشىشنىڭ ئاپەت يىلتىزىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، مەزكۇر بۇتخانىغا ئەرۋاھ ئېشى قويۇش ئىشىنى توختىتىش ۋە خۇاياڭ بىلىم يۇرتىنى بىكار قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

ۋەنگوگ

  • ۋەنگوگ[يەشمىسى:]»Vincent Van Gogh، (1853 — 1890) گوللاندىيىلىك رەسسام. ئاخىرقى مەزگىللىرىنىڭ تەسىراتچى رەسساملار ۋەكىللىرىنىڭ بىرى. دادىسى پوپ، ئۇ ماگىزىنچى، ئوقۇتقۇچى، كان رايونىدا دىن تارقاتقۇچى بولغان. ئاساسەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە تايانغان، دەسلەپتە كان ئىشچىلىرىنىڭ نامرات تۇرمۇشىنى تېما قىلىپ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1886-يىلى پارىژغا بېرىپ، تەسىراتچى رەسساملار ۋە ياپونىيە ئوكىيو رەسساملىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئالدى بىلەن چاچما رەڭ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. كېيىن قېنىق ۋە ئوچۇق رەڭ بېرىش، ئەركىن سىزىق سىزىش، كۆپۈنكى رەڭ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ تەسىراتى ۋە ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ رەسىم سىزىش ئۇسلۇبى كېيىن ھايۋانپەرەسلەر ۋە گەۋدىلەندۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. ئۇنىڭ سەنئەت يولى ئەگرى-توقاي بولغان، كېيىن نېرۋا كېسىلى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۈچپارچە«خەت-چەكلەر توپلىمى» ئۇنىڭ تۇرمۇشى ۋە سەنئەت ئىدىيىسىنى ئەكسئەتتۈرگەن،«ئاپتاپپەرەس»، «دېھقان»، «پوچتىكەش رولاند»، «بازارنى تەمىنلەيدىغان دېھقانچىلىق مەيدانى»، «شامالدىتىلغان جىنايەتچى»، «ياڭيۇ يەيدىغان كىشىلەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ۋەھشىي پارلامېنت

  • ۋەھشىي پارلامېنت[يەشمىسى:]»1514-يىلى ۋېنگرىيە ئاقسۆڭەكلىرى گېئورگىي دوزسا قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن بۇدا شەھىرىدە چاقىرغان پارلامېنت. ئۇ ماقۇللىغان دېھقانلارغا ئائىت پەرمان ئىنتايىن ۋەھشىي، دەھشەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. پەرماندا: دېھقانلارنىڭ خالىغانچە كۆچۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ خوجىدارلار دېھقانلارنىڭ باج ۋە مېھنەت سېلىقىنى توسالغۇسىز كۆپەيتىشكە بولىدۇ؛ دېھقانلارنىڭ قورال تۇتۇشى مەنئى قىلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

ۋەھىي خاتىرىسى

  • ۋەھىي خاتىرىسى[يەشمىسى:]»ئىراندىكى باب مۇرىتلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابى. باب دىنىنىڭ ئاساسچىسى سەيىد ئەلى مۇھەممەد(Sayyid Ali Muhammad، 1819 -ياكى 1820 — 1850)«قۇرئان»غا تەقلىد قىلىپ يېزىپ چىققان، 1847-يىلى پۈتتۈرگەن. كىتابتا باب ئەقىدىسىنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى يەنى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ھەربىر دەۋرلىرىنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ئالمىشىپ راۋاجلىنىدىغانلىقى، كونا دەۋردىكى تۈزۈم ۋە قانۇننىڭ ئورنىنى يېڭى دەۋردىكى تۈزۈم ۋە قانۇننىڭ ئالىدىغانلىقى، لېكىن ئۇنى «خۇدا» ئەۋەتكەن «پەيغەمبەر»نىڭ بەلگىلەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان؛ ئىسلام دىنىنىڭ كونا ئەقىدىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش، جەمئىيەتنى سىياسىي جەھەتتىن ئىسلاھ قىلىش، زۇلۇم بولمىغان، ھەممە كىشى باراۋەر بولىدىغان يېڭى «ھەققانىيەتلىك پادىشاھلىق» قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. مەزكۇر كىتابتىكى دىنىي ئەقىدىلەر شۇ چاغدىكى ئىران خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇ، كېيىنكى بابى دىنى مۇرىتلىرى قوزغىلىڭىدا يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

ۋرانگېل

  • ۋرانگېل[يەشمىسى:]» (1) فرېدرىخ ھېنرى ۋرانگېل ( Friedrich Heinrich Ernst Grafvon Wrangel ، 1784 — 1877). پرۇسسىيە مارشالى. 1796-يىلى پرۇسسىيە ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، ناپولېئونغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا ئاتلىق ئەسكەرلەر قوماندانى بولغان. 1939-يىلى گېنېراللىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1848-يىل 4 — 9-ئايلاردىكى دانىيىگە قارىتىلغان تۇنجى قېتىملىق ئۇرۇشتا فېدېراتسىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان ھەمدە شۇ يىلى 11-ئايدا قوشۇننى باشلاپ بېرلىنغا كىرىپ، گېرمانىيە ئىنقىلابىنى باستۇرۇپ، پرۇسسىيە فېدېراتسىيىلىك پارلامېنتىنى تارقىتىۋەتكەن. 1856-يىلى مارشاللىققا كۆتۈرۈلگەن. 1863-يىلى 1-ئايدا، پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، دانىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلغان. لېكىن ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئىستېپا بەرگەن، كېيىن ئارمىيە ساھەسىدىن چېكىنىپ چىققان. (2) پېترنىكولائېۋىچ ۋرانگېل (Пётр Николаевич Врантелъ، 1878 — 1928). سوۋېت روسىيىسى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي باشلىقلارنىڭ بىرى. بارون. روسىيە ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال-پورۇچىكى. ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئاتلىق ئەسكەرلەر جۈنتۇەنىگە قوماندانلىق قىلغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، قىرىمغا قېچىپ كېتىپ، دېنىكىن ئاق گۋاردىيە «پىدائىيلار ئارمىيىسى»دە دىۋىزىيە كوماندىرى، جۈنتۇەن باشلىقى ۋە قوماندانى بولغان. ھوقۇق تالاشقانلىقى ئۈچۈن چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.1920يىلى4-ئايدا، ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن دېنىكىننىڭ ئورنىغا، جەنۇبىي روسىيە ئاق گۋاردىيىنىڭ باش قوماندانى بولغان. شۇيىلى11-ئايدا، شىمالىي تاۋرى ۋە قىرىمدا قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ، قالدۇق قوشۇنىنى باشلاپ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1924-يىلى فرانسىيىدە «روسىيە ئارمىيىلىرى ئىتتىپاقى» قۇرۇپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارغان. (3) لېئو فرانكېل (Leo Frankel، 1844 — 1896). 1871-يىلدىكى فرانسىيە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئاساسىي رەھبەرلىرىدىن بىرى، ۋېنگرىيە مەملىكەتلىك ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. ۋېنگرىيىلىك. زىننەت بۇيۇملىرى ئىشچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان، بىر مەھەل لاسسال ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.1867-يىلى فرانسىيىگە كۆچۈپ كەلگەن ھەمدە لوندوندا ماركس، ئېنگېلس بىلەن تونۇشقان. كېيىن لاسسالچىلاردىن ئايرىلىپ، ۋارلىن باشچىلىقىدىكى سول قانات پرۇدونىزم گۇرۇھىغا قاتنىشىپ، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال پارىژ ياچېيكىسى ئۈچىنچى قېتىم سوراق قىلىنغاندا، تۈرمىگە تاشلانغان. ئىككىنچى ئىمپېرىيە يىمىرىلگەندىن كېيىن تۈرمىدىن چىقىپ، خەلق قوغدىنىش ئارمىيىسى ۋە 1871-يىلدىكى22-يانۋار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان؛ 18-مارت پارىژ ئىشچىلىرى قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ھەمدە كوممۇنا ئەزالىقىغا سايلانغان، كېيىن ئەمگەك ۋە ئالماشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەمگەكچى خەلققە پايدىلىق بولغان بىر قاتار ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى قوللانغان. «ماي قانلىق ھەپتىسى» جېڭىدە ئىككىنچى قېتىم يارىدار بولغان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيىگە قېچىپ كېتىپ، سىرتتىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. 1871 — 1875-يىللىرى، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال باش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئاۋسترو-ۋېنگرىيە ئالاقىلىشىش سېكرېتارى بولغان. كېيىن ۋېنگرىيىگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە 1880-يىلى ۋېنگرىيە مەملىكەتلىك ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرغان. 1889-يىلدىن باشلاپ، فرانسىيىدە ماكانلىشىپ، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان.

ۋروبلېۋىسكى

  • ۋروبلېۋىسكى[يەشمىسى:]»(Walery Wroblewski، 1836 —1908). پولشالىق ئىنقىلابچى، 1871-يىلقى فرانسىيە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ گېنېرالى. ئۇششاق ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. پولشا ئاقسۆڭەكلەر شۆيۈەنى ۋە پېتېربۇرگ ئورمانچىلىق شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. پولشادىكى 1863-يىلقى چار پادىشاھقا قارشى قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، يارىلانغاندىن كېيىن پارىژدا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ، «پولشا مۇھاجىرلىرى دېموكراتىك ئىتتىپاقى» نىڭ رەھبىرى بولغان. ئىككىنچى ئىمپېرىيە گۇمران بولغاندىن كېيىن مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1871-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى پارىژ ئىشچىلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندىن كېيىن، پارىژ تاشقى سەپ مۇداپىئەسى ئىككىنچى ھەربىي رايونى (جەنۇبىي سەپ) نىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، كوممۇنىنى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن لوندوندا مۇساپىر بولۇپ تۇرغان ۋە سىرتىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان؛ ماركس، ئېنگېلس ۋە بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال باش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن زىچ ئالاقە قىلغان. 1872-يىلى ئىنتېرناتسىئونال باش كومىتېتىغا سايلانغان ھەمدە پولشا ئاخبارات سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن. ھۆكۈمەتسىزلىككە قارشى كۈرەشكە پائال قاتناشقان. 1880-يىلقى ئومۇمىي كەچۈرۈمدىن كېيىن فرانسىيىگە قايتىپ كەلگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن، 1908-يىل 8-ئاينىڭ 5-كۈنى كېسەلدىن ۋاپات بولغان.

ۋرىگىت

  • ۋرىگىت[يەشمىسى:]»(1) ۋىلبۇر ۋرىگىت (Wilbur Wright، 1867 — 1912) ئامېرىكىلىق ئايروپىلان كەشپىياتچىسى. ئىندىئانا شتاتىدا پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۇچۇش قائىدىسى ئۈستىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆزى ياسىغان ئاددىي شامال غارىدا تەخمىنەن 1000 قېتىملاپ سىناق قىلىپ،1899-يىلى پلانېر ياساپ، ئىككىنچى يىلى ئۇنى ئۇچۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. 1903-يىل 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىمالىي كارولىنا شتاتىدىكى كىتىخوكدا ماتور بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان، كونترول قىلىنىدىغان ئايروپىلاننى سىناق قىلىپ ئۇچۇرۇپ، تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. 12 سېكۇنتتا 36 مېتر ئۇچقان. ئەتىسى يەنە 59 سېكۇنتتا 260 مېتر ئۇچقان. بۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ ئاتموسفېرانى بويسۇندۇرالايدىغانلىقىنى دەلىللىگەن. 1906-يىلى ئامېرىكىدا پاتېنت ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرگە بېرىپ ئۇچۇش ئويۇنىنى كۆرسەتكەن. ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش ئارقىسىدا، ئايروپىلاننىڭ ئىقتىدارى داۋاملىق ئۆسكەن. (2) ئورۋىللې ۋرىگىت(Orville Wright،1871— 1948) ئامېرىكىلىق ئايروپىلان كەشپىياتچىسى. ئوھىئو شتاتىدا تۇغۇلغان. ۋىلبۇر ۋرىگىتنىڭ ئىنىسى. ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە ئايروپىلان ئىشلەشنى تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ شۆھرەت تاپقان، كىشىلەر ئۇلارنى «ئاكا-ئۇكا ۋرىگىتلار» دەپ ئاتاشقان. ئاكىسى ئۆلگەندىن كېيىن، ئايروپىلاننىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاش خىزمىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ئارمىيە تېخنىكا مەسلىھەتچىسى بولغان.

ۋ ك پ (ب)

  • ۋ ك پ (ب)[يەشمىسى:]» سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسىنىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىشى. لېنىننىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان. 1895-يىلى قۇرۇلغان پېتېربۇرگ «ئىشچىلار سىنىپىنى ئازاد قىلىش يولىدا كۈرەش قىلىش جەمئىيىتى» پارتىيىسىنىڭ تەكتى ھېسابلىنىدۇ. 1898-يىلى 3-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرىنچى قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن باشلاپ، «روسىيە سوتسىيال-دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى» دەپ ئاتالغان. 1903-يىلى 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قۇرۇلتايدا، لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلار (كۆپ سانلىقلار) ئاغمىچى گۇرۇھ — مېنشېۋىكلەر (ئاز سانلىقلار)نى مەغلۇپ قىلىپ، پارتىيە پروگراممىسى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى ماقۇللاپ، پارتىيىنىڭ مەركىزىي ئورگىنىنى سايلاپ چىققان، شۇنىڭ بىلەن پارتىيە رەسمىي دۇنياغا كەلگەن. پارتىيىنىڭ1912-يىلى 1-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالتىنچى قۇرۇلتىيىدا، مېنشېۋىكلەر پارتىيىدىن چىقىرىلىپ، بولشېۋىكلەر ھەقىقىي تۈردە مۇستەقىل ماركسىزمچى پارتىيىگە ئايلىنىپ، «روسىيە سوتسىيال-دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى (بولشېۋىكلار)» دەپ ئاتالغان. 1918يىلى3-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن يەتتىنچى قۇرۇلتايدا، پارتىيىنىڭ نامى لېنىننىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن، «روسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىكلار)» دەپ ئۆزگەرتىلىپ، قىسقارتىپ «ۋ ك پ (ب) دەپ ئاتىلىپ، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئاغمىچى پارتىيە بولۇپ ئاينىپ كەتكەن سوتسىيال-دېموكراتلار پارتىيىلىرىدىن پەرقلەندۈرۈلگەن. پارتىيىنىڭ 1925-يىلى 12-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن14-قۇرۇلتىيىدىن باشلاپ، دۆلەت نامىنىڭ «سوۋېت سوتسىيالىستىك رېسپوبلىكىلار ئىتتىپاقى» دەپ ئۆزگەرتىلگەنلىكى (1922) نەزەرگە ئېلىنىپ، پارتىيىنىڭ نامى «سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىكلار)» گە ئۆزگەرتىلگەن ھەمدە قىسقارتىپ«ۋ ك پ(ب)» دەپ ئاتالغان. 1952-يىلى 10-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 19-قۇرۇلتايدىن باشلاپ، پارتىيىنىڭ نامى «سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى» (قىسقارتىپ «سوۋېت كومپارتىيىسى») دەپ ئاتالغان.

ۋلاد تېپېس

  • ۋلاد تېپېس[يەشمىسى:]»弗拉德·采佩什(Vlad Tepes،؟—1476)ۋالاخىيە كىنەزى(1456— 1462، 1476)، تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، كىنەز ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن. 1461-يىلى تۈركىيە سۇلتانلىقىغا ئولپان تاپشۇرۇشتىن باش تارتقان. ئىككىنچى يىلى تۈركىيە سۇلتانى مۇھەممەد Ⅱ قوشۇن باشلاپ ۋالاخىيىگە ھۇجۇم قىلغان. تېپېس ئەركىن دېھقانلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قوراللىق كۈچىگە تايىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، مۇھەممەد Ⅱ نى چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان. شۇ يىلى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ۋېنگرىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1476-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، ھۆكۈمرانلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، كېيىن ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

ۋلادىسلاۋⅠ

  • ۋلادىسلاۋⅠ[يەشمىسى:]» (1) ۋلادىسلاۋ ھېرمان Ⅰ(Wladyslaw HermanⅠ، 1040 — 1102). پولشا كورۇلى (1079 — 1102). تەختتىكى مەزگىلىدە، پادىشاھلىق ھوقۇقى ئاجىزلىشىپ كېتىپ، فېئودال ئاقسۆڭەكلەر خالىغانچە زومىگەرلىك قىلغان. 1097-يىلى دۆلەت زېمىنىنى ئوغلى زبگنېۋ (Zbingiew) ۋە بولېسلاۋ (Boleslaw) (يەنى كېيىنكى بولېسلاۋ Ⅲ) غا بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان، ئالدىنقىسى بۈيۈك پولشا (پولشانىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىدا) ۋە مازوۋىيە (Mazovia، ۋىسلا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىم رايونىدا) گە ئىگە بولغان. كېيىنكىسى سىلېزىيە ۋە كىچىك پولشا (پولشانىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىدا) غا ئىگە بولغان. (2) ۋلادىسلاۋ Ⅰ لۇكېتېك (Wladyslaw I, Lokietek، 1260—1333). پولشا كورۇلى (1320—1333).1275-يىلى كۇجاۋى(Kujawy، پولشانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا) غا كىنەز بولغان. كېيىن ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەر ۋە بىر قىسىم شەھەر ئاھالىلىرىگە تايىنىپ، كىچىك پولشا (پولشانىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىدا)، پومورزې (Pomorze) ۋە بۈيۈك پولشا (پولشانىڭ ئوتتۇرا غەرب قىسمىدا) نى قوشۇۋالغان.1310-ۋە 1311—1312-يىللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا پوزنان ۋە كراكوۋتىكى نىمىس شەھەر ئاقسۆڭەكلىرى قوزغىغان توپىلاڭنى تىنچىتقان. 1327 — 1332-يىللىرى ۋېنگرىيە ۋە لىتۋا بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، تېئۇتون رىتسارلار پولكىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان ھەمدە 1331-يىلى پلوۋسې (Plowce) جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.

ۋلادىسلاۋⅡ

  • ۋلادىسلاۋⅡ[يەشمىسى:]» (1) لىتۋا كىنەزى، پولشا كورۇلى، «ياگايلو» غا قارالسۇن. (Ягайло) (2) ۋلادىسلاۋ Ⅱ ياگېلونىسكى (VladislavⅡ. Jagelonsky، 1456—1516) چېخ كورۇلى (1471—1516)،ۋېنگرىيەكورۇلى(1490— 1516). پولشا كورۇلى كازىمىرⅥ (Казимир Ⅵ) نىڭ ئوغلى. تەختتىكى مەزگىلىدە، 1500-يىلى «ۋلادىسلاۋ قانۇنى» نى ئېلان قىلىپ، چېخ ئاقسۆڭەكلىرى بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئىمتىيازلارنى مۇستەھكەملىگەن؛ ۋېنگرىيە ھاكىمىيىتى مۇشۇ دۆلەتنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قولىدا بولۇپ، كورۇل ھوقۇقى ئاجىزلاپ كەتكەن، 1514-يىلى گېئورگىي دوزا (Dozsa Gyorgy) قوزغىلىڭى پارتلىغان.

ۋلادىسلاۋⅢ

  • ۋلادىسلاۋⅢ[يەشمىسى:]» (Wladyslaw Ⅲ, Warnenczyk، 1424 — 1444) پولشا كورۇلى (1434—1444)، ۋېنگرىيە كورۇلى (1440—1444)، ياگەيلونىڭ ئوغلى. ياش-قۇرامىغا يېتىشتىن بۇرۇن، كراكوۋ ئېپىسكوپى زبگنېۋ ئولىسنىسكى (Zbiniew Olesniski) مۇۋەققەت نائىب بولغان. 1443-يىلى ۋېنگرىيە گېنېرالى ھۇنيادى (Janos Hunyadi) بىلەن بىللە پولشا-ۋېنگرىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، تۈركىيە سۇلتانى مۇراد Ⅱ نى مەغلۇپ قىلغان. 1444-يىلى 7-ئايدا، ئىككى تەرەپ ئون يىللىق سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈپ، تۈركىيە سېربىيە، ئالبانىيە ۋە ئىشغال قىلىۋالغان ۋېنگرىيە زېمىنىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئۇزاققا قالماي ئۇرۇش يەنە كۆتۈرۈلگەن. شۇ يىلى 11-ئايدىكى ۋارنا جېڭىدە، ۋېنگرىيە بىلەن ۋالاخىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى مۇراد Ⅱ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان، ئۇ مۇشۇ جەڭدە ھالاك بولغان.

ۋلادىسلاۋⅣ

  • ۋلادىسلاۋⅣ[يەشمىسى:]»(Wladyslaw Ⅳ, Waza، 1595 —1648). پولشا كورۇلى (1632 — 1648).سىگىزمۇندⅢ (Сигизмунд)نىڭ ئوغلى.1610-يىلى 8-ئايدا، سىگىزمۇنىد Ⅲ بىلەن روسىيە ئاقسۆڭەكلىرى تۈزگەن شەرتنامىگە ئاساسەن، روسىيە چار كورۇلى دەپ ئېلان قىلىنغان. ئارقىدىنلا پولشا ئارمىيىسى موسكۋانى ئىگىلىگەن.1612-يىلى موسكۋا روسىيە پىدائىيلار قوشۇنى تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېلىنغان. 1617-يىلى ۋلادىسلاۋ Ⅳ روسىيىگە يۈرۈش قىلىپ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، ئىككىنچى يىلى چار كورۇل مىخائىل رومانوۋ (Михаил Романовы) ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزگەن. 1632-يىلى پولشانىڭ كورۇللۇق تاجىنى كىيگەن. 1634-يىلى روسىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە بولغان تەلىپىدىن ۋاز كەچكەن.

ۋلادىسلاۋوۋ

  • ۋلادىسلاۋوۋ[يەشمىسى:]»(Стойко Владислвов، 1739 — 1813) بۇلغارىيىلىك ئېپىسكوپ، ئالىم. كوتېل ( Котел) شەھىرىدە تۇغۇلغان. يۇرتىدا كۆپ يىل پوپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان.1765-يىلى كوتېلدا پائىسىي بىلەن ئۇچراشقان. كېيىن تۈركىيە دائىرىلىرى ۋە يۇنان ئارخېئېپىسكوپىنىڭ زىيانكەشلىكى ئارقىسىدا، يۇرتىدىن ئايرىلىپ، بۇلغارىيىنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ كەلگەن. 1794-يىلى ۋراچانىسكىي (Bpaчанский) دىن رايونىنىڭ ئېپىسكوپى بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، پۈتكۈل رايوننى ئايلىنىپ، مۇرىتلىرىغا بۇلغار تىلىدا دىن ئەقىدىلىرىنى چۈشەندۈرگەن.1803-يىلى قولغا ئېلىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بۇخارېستقا كۆچۈپ كېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يېزىقچىلىققا كىرىشكەن. «گۇناھكار سوفرونىيىسنىڭ ھاياتى ۋە تارتقان جەبىر-زۇلۇملىرى» (سوفرونىيس ئۇنىڭ موناخ بولغان مەزگىلدىكى ئىسمى) دېگەن تەرجىمىھال خاراكتېرلىك ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا خەلق ۋە ئاپتورنىڭ تۈركىيە فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى تەسۋىرلەنگەن، شۇڭا، ئۇ مۇھىم ئەدەبىي ۋە تارىخىي ھۈججەت ھېسابلىنىدۇ.

ۋلادىمىر سۇياتوسلاۋىچ

  • ۋلادىمىر سۇياتوسلاۋىچ[يەشمىسى:]»(Владимир Святославич، ؟ — 1015) نوۋگورود ( Новгород) كىنەزى (970 — 978، يەنە بىر ئېيتىلىشتا 970 — 980) ۋە كىيېۋرۇس كىنەزى (978 — 1015، يەنە بىر ئېيتىلىشتا 980 — 1015)، سۋياتوسلاۋ ئىگورېۋىچ (Святослав Игоревич) نىڭ ئوغلى، دادىسى ئۆلۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت زېمىنىنى ئۈچ ئوغلىنىڭ بۆلۈپ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرغان. ۋلادىمىر نوۋگورودنى باشقۇرغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئىچكى ماجىرا تۇغۇلۇپ، ئۇ قېرىنداشلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، كىيېۋرۇسنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، كۆپ قېتىم يىراققا يۈرۈش قىلىپ، زېمىنىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، گالىچ (Галич) نى قوشۇۋالغان ھەمدە پولشا بىلەن لىتۋانى مەغلۇپ قىلغان. پېچېنەكلەر (Печенеги) نىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جەنۇبىي چېگرىدا ئەسكەر تۇرغۇزغان، كىيېۋ شەھىرىنىڭ ئەتراپىغىمۇ مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىنى ياساتقۇزغان. مىلادى 987-يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قالايمىقانچىلىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ياردەم سورىغاندا، ئىككى تەرەپ ئىتتىپاق تۈزگەن، ۋىزانتىيە كورۇلى باسىل Ⅱ (BasilⅡ) ئۇنىڭغا خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلىش ھېسابىغا ئۆزىنىڭ بىر تۇغقان سىڭلىسى ئاننا (Anna) نى ياتلىق قىلغان. تەخمىنەن 988-يىلى خرىستىئان دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ جاكارلاپ، بارلىق رۇسلارنى دىنغا كىرىشكە بۇيرۇق قىلغان، خرىستىئان دىنىنىڭ كىرىشى كىيېۋرۇسنىڭ بىرلىككە كېلىشى ۋە فېئوداللىق مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، كىيېۋرۇس بىلەن غەربىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ۋلادىمىر كىنەزلىكى

  • ۋلادىمىر كىنەزلىكى[يەشمىسى:]» يەنى ۋلادىمىر-سۇزدال كىنەزلىكى، روستوۋ-سۇزدال كىنەزلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. Ⅻ ئەسىردىن ⅩⅢ ئەسىرگىچە شەرقىي جەنۇبىي رۇستىكى ئەڭ چوڭ كىنەزلىك. ۋلادىمىر (Владимир) شەھىرىنى مەركەز قىلغان. مىلادى Ⅹ ئەسىردىن Ⅻ ئەسىرگىچە كىيېۋرۇسقا قارام بولغان. Ⅻ ئەسىردە فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى تەرەققىي قىلىپ، كۈچى كىيېۋرۇسنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن. Ⅻ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا، ۋلادىمىر مانوماخنىڭ ئوغلى يورىي ۋلادىمىروۋىچ (Юрий Владимирович)كىنەز بولغان (1125— 1157) دا، كىيېۋنىڭ ئاسارىتىدىن ئايرىلىپ، كەڭ يەر-زېمىنغا ئىگە بولۇپ، موسكۋا دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا موسكۋا شەھىرىنى قۇرغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بەش سۇيۇرغاللىققا بۆلۈنۈپ كەتكەن، يەنە ئۇزاق ئۆتمەي 12 كىنەزلىككە بۆلۈنۈپ كەتكەن تۋېر «Tbepb»، موسكۋا كىنەزلىكلىرىمۇ شۇنىڭدىن بۆلۈنۈپ چىققان)، لېكىن جەمەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ۋلادىمىر كىنەز بولغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موسكۋا كىنەزلىكى موڭغۇل-قىپچاق خانلىقى تەرىپىدىن ۋلادىمىر كىنەزى دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، بارا-بارا قوشنا كىنەزلىكلەرنى قوشۇۋالغان. بۇنىڭ بىلەن، موسكۋا كىنەزلىكى ھوقۇق مەركەزلەشكەن روسىيە دۆلىتىنىڭ يادروسىغا ئايلانغان.

ۋلادىمىر مونومناخ

  • ۋلادىمىر مونومناخ[يەشمىسى:]»(Владимир Всеволодович Мономах، 1053 — 1123) كىيېۋرۇس كىنەزى(1113— 1125). ئەسلى پېرېياسلاۋ (Переяслав) نىڭ كىنەزى بولغان. باتۇر ۋە قورقماسلىقى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن پولوۋىسلار (Половчы) نى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان، 1113-يىلى، كىنەز سۋياتو پولك (Святополк Изяславич، 1093 — 1113) ئۆلگەندىن كېيىن، كىيېۋ شەھەر ئاھالىسى شەھەر ئەتراپىدىكى دېھقانلار بىلەن بىرلىشىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، كىيېۋ فېئوداللىرى ۋە مۈلۈكدارلار ئۇنى كىيېۋرۇسنىڭ كىنەزى قىلىپ تىكلەپ، قوزغىلاڭنى باستۇرغان. يەنە يېڭى قوزغىلاڭلارنىڭ بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، دەرھال «ئۆسۈم قانۇنى» ۋە «قەرزدار دېھقانلار نىزامى» نى جاكارلاپ، ئاساسەن فېئوداللار ۋە جازانىخورلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغان، لېكىن قەرزدار دېھقانلارنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن قەرز ئۆسۈمىگە ئازراق چەك قويغان. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، بەگلىكلەرنى ئىتائەتمەن بولۇشقا مەجبۇرلاپ، كىيېۋرۇسنى قايتىدىن بىر-لىككە كەلتۈرۈپ، كىنەزنىڭ ئورنىنى كۈچەيت-كەن ھەمدە ئەتراپىدىكى جايلار (مىنىسك — Минск، ۋولن Волынь — قاتارلىق) نى قوشۇۋالغان. سىرتقى جەھەتتە، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچكى نىزاسىغا ئارىلاشقان، قوشۇنى دۇناي دەرياسىغىچە بارغان، ۋىزانتىيە ۋە گېرمان خان جەمەتى بىلەن قۇدا بولۇشقان، «پەرزەنتكە نەسىھەت» دېگەن كىتابىنى يېزىپ، ئۆز خىيالىدىكى كىنەزنىڭ ئوبرازىنى ۋە ھاياتىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى تەسۋىرلىگەن.

ۋوبى قوزغىلىڭى

  • ۋوبى قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]» ۋيېتنامنىڭ چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى دېھقان ۋە قۇل-دېدەكلەر قوزغىلىڭى. 1344-يىلى ۋوبى قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئەنفۇشەن (ھازىرقى خەيشىڭجىڭمىن) نى ئىشغال قىلغان. قوزغىلاڭغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى خان-خوجىلارنىڭ سۇيۇرغاللىق قورۇقلىرىدىن قېچىپ چىققان قۇل-دېدەكلەر بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي چىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. 1358-يىلى قايتا قوزغىلىپ ۋوبى پادىشاھ بولۇپ «نامراتلارنى قۇتقۇزايلى» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. تيەنلياۋدىن جىلىڭ ئەتراپىغا قەدەر بولغان جايلارنى تىزگىنلىۋالغان. 1360-يىلى قوزغىلاڭ ئاخىرى باستۇرۇلغان.

ۋوروشىلوۋ

  • ۋوروشىلوۋ[يەشمىسى:]»(Климент Ефремович Ворошилов، 1881 — 1969) سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتى پرېزدىئومىنىڭ رەئىسى (1953 — 1960)، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى. تۆمۈريول ئىشچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سىلېسار بولغان. 1898-يىلى ئىنقىلابىي پائالىيىتىنى باشلىغان. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكرات ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1908 — 1917-يىللىرى تۈرمە ۋە سۈرگۈندە بولغان. كۆپ قېتىم قېچىپ چىقىپ، پارتىيىنىڭ يەر ئاستى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. فېۋرال ۋە ئۆكتەبر ئىنقىلابلىرىغا قاتناشقان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە قىزىل ئارمىيە 10-ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى، سارىتسىن ئالدىنقى سېپىنىڭ قوماندانى بولغان. 1921-يىلدىن باشلاپ، ئىلگىرى-كېيىن شىمالىي كاپاز ھەربىي رايونى، موسكۋا ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى بولغان. 1925 — 1934-يىللىرى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىسى خەلق كومىسسارىياتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1934—1940-يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە خەلق كومىسسارىياتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1940-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە كومىسسارىياتى رەئىسى بولغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە دۆلەت مۇداپىئە كومىسسارىياتى ئەزاسى، ئالىي قوماندانلىق شتابى ئەزاسى، غەربىي-شىمال يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى، لېنىنگراد ئالدىنقى سەپ قوماندانى بولغان. 1946 — 1953-يىللىرى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1953-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېت پرېزدىئومىنىڭ رەئىسى بولغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى (1921 — 1961، 1966 — 1969)، سىياسىي بيۇرو ئەزاسى (1926 — 1952)، پرېزىدىئوم ئەزاسى (1952 — 1960) بولغان.

ۋورمىس دىنىي كېلىشىمى

  • ۋورمىس دىنىي كېلىشىمى[يەشمىسى:]»1122-يىل 9-ئاينىڭ 23-كۈنى رىم پاپاسى كالىكسىت Ⅱ (Calixtus، 1119 — 1124-يىللىرى تەختتە بولغان) بىلەن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى ھېنرىخ Ⅴ، ۋورمىس (Worms، ھازىرقى گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھېسسېن تەۋەسىدە) شەھىرىدە تۈزۈشكەن كېلىشىم. كېلىشىمدە: گېرمانىيە ئېپىسكوپلىرىنى پاپا تەيىنلىمەيدۇ، بەلكى مىسسىئونېرلار سايلاپ چىقىدۇ، ئىمپېراتورنىڭ سايلام يىغىنىغا قاتنىشىش ۋە پىكىر ئىختىلاپى يۈز بەرگەن چاغدا ئوتتۇرىغا چىقىپ ئارىلىشىش ھوقۇقى بولىدۇ؛ سايلانغان ئېپىسكوپقا ئالدى بىلەن ئىمپېراتور دەھرىيلىك ھوقۇقى بېرىدۇ، ئاندىن چېركاۋ دىنىي ھوقۇق بېرىدۇ. ئىتالىيە بىلەن بۇرگوندىيىدە، ئىمپېراتورنىڭ ئېپىسكوپ سايلىمىغا ئارىلىشىشىغا بولمايدۇ، ئېپىسكوپقا دەھرىيلىك ھوقۇقىنى بېرىش، دىنىي ھوقۇق بېرىلىپ ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. رىم پاپاسى بىلەن مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى ئوتتۇرىسىدىكى ئېپىسكوپلارنى ئىشقا قويۇش ھوقۇقى مەسىلىسى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتلىق مۇرەسسەگە كېلىش ئارقىلىق ئاياغلاشقان.

ۋورمىس دىنىي يىغىنى

  • ۋورمىس دىنىي يىغىنى[يەشمىسى:]» 1076-يىلى 1-ئايدا مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى ھېنرىخ Ⅳ ۋورمىس (Worms، ھازىرقى گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتى ھېسېن تەۋەلىكىدە) شەھىرىدە چاقىرغان گېرمانىيە ئېپىسكوپلىرى يىغىنى. 1075-يىلى رىم پاپاسى گرىگورىي Ⅶ ئومۇمىي يارلىق چىقىرىپ، دەھرىي كورۇللارنىڭ ئېپىسكوپلارنى ئىشقا قويۇش ھوقۇقىنى چەكلەپ، ھېنرىخ Ⅵ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. ئىككىنچى يىلى، ھېنرىخ بۇ يىغىننى چاقىرغان، يىغىنغا جەمئىي 26 نەپەر ئېپىسكوپ قاتناشقان، يىغىن گرىگورىي Ⅶنى پاپالىقتىن ئېلىپ تاشلاشنى جاكارلىغان. مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى بىلەن پاپا ئوتتۇرىسىدىكى ئېپىسكوپلارنى ئىشقا قويۇش ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەن.

ۋورمىس يارلىقى

  • ۋورمىس يارلىقى[يەشمىسى:]»1521-يىلى 5-ئايدا، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى كارل Ⅴ ۋورمىس (ھازىرقى گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھېسېن تەۋەسىدە) شەھىرىدىكى ئىمپېرىيە رېيخىستاگىدا ئېلان قىلغان بىر يارلىق بولۇپ، دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ تەشەببۇسكارى ليۇتېر ۋە ئۇنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ليۇتېرنىڭ ئۆزىمۇ بۇ يىغىنغا قاتناشتۇرۇلغان. يارلىقتا ليۇتېر بىدئەتچى دەپ ئەيىبلىنىپ، قولغا ئېلىشنى، ئۇنىڭ ھىمايىچىلىرىنىڭ فېئوداللارنىڭ يېرىنى مۇسادىرە قىلىشىنى جاكارلىغان؛ ليۇتېر ئەقىدىلىرىنىڭ تارقىلىشىنى مەنئى قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاشنى بۇيرۇغان. ليۇتېر بەزى چوڭ دەھرىي، بەگ كىنەزلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، جىنايىتىگە توۋا قىلىشتىن باش تارتقان. كېيىن ساكسونىيە كىنەزى فرېدرىختىن پاناھ ئىزدەپ ۋارتبۇرگ (Wartburg)غا بېرىۋالغان.

ۋورونوۋ

  • ۋورونوۋ[يەشمىسى:]»(Николай Николаевич воронов، 1899 — 1968) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى توپچى قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى. خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1918-يىلى قىزىل ئارمىيىگە قاتنىشىپ، ئىككىنچى يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1930-يىلى فرونزې ھەربىي ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1934-يىلى لېنىنگراد بىرىنچى توپچىلار مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان.1937-يىلدىن باشلاپ قىزىل ئارمىيە توپچى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى بولغان. ۋەتەن ئۇرۇشىدا، توپچى قىسىملار قوماندانى ۋە ئالىي قوماندانلىق شتابىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن غەرب يۆنىلىش، غەربىي جەنۇب يۆنىلىش ۋە برىيانىسىك يۆنىلىش ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، لېنىنگراد، ستالىنگراد قاتارلىق جايلاردىكى جەڭلەردە بولغان. 1950 — 1953-يىللىرى توپچى قىسىم پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1958-يىلدىن باشلاپ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدە ئىشلىگەن.

ۋوگېل

  • ۋوگېل[يەشمىسى:]» (Julius Vogel، 1835 — 1899) يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى (1873— 1875، 1876-يىللىرى). لوندوندا تۇغۇلغان. 1852-يىلى ئالتۇن چايقاش ئۈچۈن ئاۋسترالىيىگە كەلگەن. 1861-يىلى يېڭى زېلاندىيىنىڭ ئوتاگودا ئالتۇن چىققاندىن كېيىن يېڭى زېلاندىيىگە يېتىپ كەلگەن. باشقىلار بىلەن بىرلىكتە «ئوتاگو كۈنلۈك گېزىتى»نى چىقارغان، بۇ گېزىتتە ماقالە ئېلان قىلىپ، ھوقۇقىنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇپ، شىمالىي ئارال بىلەن جەنۇبىي ئارالنى بۆلۈۋېلىشتىن ئىبارەت سىياسىي قاراشنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ سىياسىي ساھەگە يۆتكەلگەن. 1869-يىلى مالىيە مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1870-يىلى ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكىلەردىن 10 مىليون فوندستېرلىڭ قەرز ئېلىپ، يېڭى زېلاندىيە ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەنگلىيە، ئامېرىكىغا بېرىپ زىيارەتتە بولغان. زۇڭلى بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە، تۆمۈريول، تاشيول، دېڭىز ترانسپورتى، خەۋەرلىشىش قاتارلىق جامائەت قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرغان ھەمدە بىر قىسىم قەرز پۇلنى ئاجرىتىپ كۆچمەنلەرنىڭ يېڭى زېلاندىيىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىغا ياردەم بەرگەن. 1876 — 1881-يىللىرى يېڭى زېلاندىيىنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق باش ۋەكىلى بولغان، كېيىن يېڭى زېلاندىيىگە قايتىپ كېلىپ، روبېرت ستۇت (Robert stout، 1844 — 1930) بىلەن بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن (1884 — 1887). كېيىن لوندونغا بېرىپ يېزىقچىلىق ۋە سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ «بىر ئايالنىڭ تەقدىرى» ناملىق ھېكايىسى بار.

ۋولتېرFrangois Marie)

  • ۋولتېرFrangois Marie)[يەشمىسى:]» Arouetde Voltaire، 1694 — 1778( فرانسىيىلىك پەيلاسوپ،تارىخشۇناس، يازغۇچى، مەرىپەتپەرۋەر مۇتەپەككۇر. ئەسلى ئىسمى فرانسۋا مارى ئارۇئې. گۇۋاھچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدە كورۇل لۇئى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. فېئوداللىق مۇستەبىت تۈزۈمىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، ئىككى قېتىم باستېلىيە تۈرمىسىگە قامالغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ئەنگلىيىگە كېتىپ نيۇتون، لوك ئىدىيىلىرىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. فرانسىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر مەزگىل خان جەمەتى تارىخچىسى، كورۇلنىڭ خاس مۇلازىمى بولغان. 1746-يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. فرېدرىخ Ⅱ نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پرۇسسىيىگە بارغان ھەمدە يېكاتېرىنا Ⅱ بىلەن خەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇرغان. زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا فرانسىيە بىلەن شۋېتسارىيە چېگرىسىدىكى فېرندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇ كاتولىك دىنى — جىنايەتنىڭ يىلتىزى، ئۇنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرى پەسكەشلىك ۋە ئالدامچىلىقنىڭ مەھسۇلى دەپ ھېسابلىغان. پەلسەپە جەھەتتە ئەقەللىيچىلىك ۋە شۈبھىچىلىك پوزىتسىيىسىدە تۇرغان؛ سىياسىي ئىدىيە جەھەتتە تەبىئىي قانۇن تەلىماتىنى قوبۇل قىلىپ، تەبىئەت كىشىلەرگە ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ھوقۇقىنى بەخش ئەتكەن دەپ قارىغان، بۇرژۇئا خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى فېئودال يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ دەسلىپىدە ئىلغار مۇستەبىت تۈزۈمىنى ھىمايە قىلغان. كېيىن ئىسلاھات يولى ئارقىلىق مونارخىيىلىك ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى قوللىغان. تارىخ جەھەتتە: دۇنيا تارىخى يېزىش سىنىقى ئېلىپ بارغان ھەمدە مەدەنىيەت بىلەن سودىنى سىياسىي بىلەن ھەربىيگە ئوخشاش مۇھىم ئورۇنغا قويغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «پەلسەپە خەت-چەكلىرى»، «نيۇتون پەلسەپىسى قائىدىلىرى»، «لۇئى ⅩⅣ دەۋرى»، «ئومۇمىي تارىخ ۋە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە روھى توغرىسىدا» قاتارلىقلار بار.

ۋولف

  • ۋولف[يەشمىسى:]» (Wilhelm Wolff، 1809 — 1864) گېرمانىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى. سىياسىي ئوبزورچى. ماركس، ئېنگېلسنىڭ يېقىن سەپدىشى. يانچى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1829-يىلى برېسلاۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىلشۇناسلىقنى بېرىلىپ ئۆگەنگەن. 1834-يىلى ستۇدىنتلار جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتىگە پائال قاتناشقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان. 1839-يىلى كەچۈرۈم قىلىنىپ تۈرمىدىن چىققان. 1844-يىلى ماقالە يېزىپ سىتلسىيە توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى قوزغىلىڭىنى مەدھىيىلەپ، پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنغان.1846-يىلى باھاردا بىريۇسسېل شەھىرىگە كېلىپ، ماركس، ئېنگېلس بىلەن ئۇچراشقان، ئۇلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئىلمىي سوتسىيالىزم يولىغا مېڭىپ، بىريۇسسېل كوممۇنىستىك ئاخبارات كومىتېتىغا قاتناشقان ھەمدە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ چىقىش خىزمىتىگە پائال قاتناشقان. 1848-يىلى 3-ئايدىن تارتىپ، مەزكۇر ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان، 6-ئايدا «يېڭى رېين گېزىتى»نىڭ تەھرىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1848 — 1849-يىللىرى گېرمانىيىدە ئىنقىلابىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1849-يىلى 5-ئايدا فرانكفورت مىللىي پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، شۋېتسارىيە، ئەنگلىيىدە مۇساپىر بولۇپ تۇرغان. 1853-يىلى مانچېستېردا مۇئەللىم بولغان. ھاياتىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ھال-ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن يىغىپ قويغان پۇلىنى ماركسقا ئەۋەتىپ بېرىپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ئىشلىرىنى قوللىغان. ماركس ئۇنى پرولېتارىياتنىڭ «قەيسەر، سادىق، ئالىيجاناب ئاۋانگارت جەڭچىسى» دەپ ئاتىغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۆلمەس گىنئال ئەسىرى «كاپىتال» نى ئۇنىڭغا بېغىشلىغان.

ۋولگېن

  • ۋولگېن[يەشمىسى:]»(Вячеслэв Петрович Волгин، 1879 — 1962) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق تارىخشۇناس. 1897 — 1908-يىللىرى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان، ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە پائال قاتنىشىپ، كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە سۈرگۈن قىلىنغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى، مۇدىرى، دۆلەت ئىلمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىئۆتىگەن.1930-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ياشلىق ۋاقتىدا ماركسىزم دۇنياغا كېلىشتىن ئاۋۋالقى سوتسىيالىزم ئىدېئولوگىيە تارىخىي تەتقىقاتىغا كىرىشكەن. 1908-يىلى «ⅩⅧ ئەسىردىكى ئىنقىلابىي كوممۇنىزمچىلار» (1919-يىلى «ژان. مېلىې ۋە ئۇنىڭ <ۋەسىيەتنامە> سى » دېگەن نام بىلەن ئېلان قىلىنغان) ناملىق ماقالىسىنى يازغان. 1912-يىلى «ⅩⅧ ئەسىردىكى فرانسىيە سوتسىيال نەزەرىيىسى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن «ئىلمىي سوتسىيالىزم پېشىۋالىرى» ناملىق مەجمۇئەنى نەشىر قىلىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان. 1961-يىلى لېنىن ئوردېنىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «سوتسىيالىزم تارىخى تېزىسى»، «سېن-سىمون ۋە سېن-سىمونىزم»، «سوتسىيالىزم مۇتەپەككۇرلىرى»، «فرانسىيە ئىنقىلابىدىن بۇرۇنقى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئىدېئولوگىيە»، «ⅩⅧ ئەسىردىكى فرانسىيە ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيە تەرەققىياتى»، «فرانسىيە خىيالىي كوممۇنىزمى» قاتارلىقلار بار.

ۋوللېي

  • ۋوللېي[يەشمىسى:]»(Charles Leonard Woolley، 1880 — 1960) ئەنگلىيىلىك ئارخېئولوگ. 1905-يىلدىن باشلاپ ئەنگلىيە ئاخېمولىن مۇزېيىدا خىزمەت قىلغان، 1907 — 1912-يىللىرى نوبىيە رايونىدا ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش بىلەن شۇغۇللانغان.1921— 1922-يىللىرى ئامارنادىكى قېزىش خىزمىتىگە باشچىلىق قىلغان. 1922 — 1934-يىللىرى ئەنگلىيە-ئامېرىكا بىرلەشمە ئارخېئولوگىيە ئەترىتىنى باشلاپ، ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇر دېگەن جايدا ئۇزاققىچە قېزىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى سومېرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى پادىشاھلارنىڭ قەبرىلىرى ۋە خارابە ئىزلىرىنى تېپىپ، ئۇنۋانغا ئىگە بولغان. قېزىپ چىقىلغان كۆپلىگەن بىللە دەپنە قىلىنغان نەپىس بۇيۇملار ۋە مىخ يېزىقلىق سېغىز بەتلەر سومېرنىڭ دەسلەپكى تارىخىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن قىممەتلىك ئەمەلىي ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بەرگەن. 1936 — 1939، 1946 —1949-يىللىرى يەنە ئىككى قېتىم تېل ئاتچېنا (Tell Atchana) خارابىسىنى قازغان. ئوتتۇرا شەرق ئارخېئولوگىيىسى تەتقىقاتىغا مەلۇم تۆھپە قوشقان. «ئۇر قېزىلمىلىرىدىن دوكلات»، «ئارخېئولوگىيە ئاساسىدا ئاسىياغا نەزەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ۋولمار

  • ۋولمار[يەشمىسى:]» (Georg Heinrich Von Vollmar، 1850 — 1922) گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭ قانات رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. ميۇنخېندىكى بيۇروكرات ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا باۋارىيە ئاتلىق ئەسكەرلەر پولكىدا خىزمەت ئۆتىگەن. 1870-يىلى پرۇسسىيە قوشۇنىغا خىزمەت قىلىپ، پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن پارىژ ۋە سيۇرىختا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىلىم ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 1875-يىلى سوتسىيالىزم ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1879 — 1880-يىللىرى سىيۇرىختا پارتىيىنىڭ ئورگان گېزىتى «سوتسىيال دېموكراتلار»نىڭ تەھرىرى بولغان. كۆپ قېتىم ساكسونىيە شتاتلىق پارلامېنتى، گېرمانىيە ئىمپېرىيە پارلامېنتى ۋە باۋارىيە شتاتلىق پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1891-يىلدىن ئېتىبارەن سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت پارتىيە-ئۆمەك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، سىنىپىي ھەمكارلىقنى تەرغىپ قىلغان. ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسىنى كۆككە كۆتۈرگەن، كاپىتالىزمدىن سوتسىيالىزمغا پارلامېنت كۈرىشى ئارقىلىق «تىنچ يول بىلەن ئۆتۈش»نى تەشەببۇس قىلغان.1891-يىلى ئېنگېلس ماركسنىڭ «گوتا پروگراممىسىغا تەنقىد»نى ئاشكارا ئېلان قىلىپ ئۇنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوتسىيال شوۋىنىزمچىغا ئايلىنىپ كەتكەن.

ۋولسېلېي

  • ۋولسېلېي[يەشمىسى:]»(Garnet Joseph Wolseley، 1833 — 1913) ئەنگلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى، ۋىكونت. دەسلىپىدە دۇبلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. كېيىن ئارمىيە بىلەن بىللە ئىككىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە-بىرما ئۇرۇشى ۋە قىرىم ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەمدە ھىندىستان مىللىي قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1860-يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسى بىلەن بىللە ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشىغا قاتناشقان. 1867-يىلى كانادادا ئەنگلىيە ئارمىيىسى ھەربىي تەمىنات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1870-يىلى رېد-رىۋېر يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنىنى باشلاپ، رىئېل ( Louis Riel) رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭنى باستۇرغان. 1873-يىلى يەنە يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنى باشلاپ چىقىپ، ئاشانتى پادىشاھلىقىنىڭ قارشىلىق كۈرىشىنى باستۇرغان.1875يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن ناتال، سىپروس ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولغان. 1882-يىلى 8-ئايدا مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولۇپ، كېيىن ئەرابى رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭنى باستۇرغان.1890-يىلى ئىرلاندىيە قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى بولغان. 1894-يىلى مارشال ئۇنۋانىنى ئالغان. ئىككىنچى يىلدىن 1901-يىلغىچە ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئارمىيىدىكى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگەن. «ناپولېئوننىڭ ھالاك بولۇش تارىخى»،«بىر ئەسكەرنىڭ ھاياتى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ۋونام دۆلىتى

  • ۋونام دۆلىتى[يەشمىسى:]» ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ھازىرقى كامبودژا بىلەن مېكونگ دەرياسى دېلتىسى ئەتراپىغا جايلاشقان. ئىلگىرى ۋونام دېگەننى جۇڭگولۇقلار قويغان نام، مەنىسى «جەنۇبنى يۆلەش» دېگەنلىك دەپ قارىغان. ھازىر كىشىلەر بۇنى كىخمىر تىلىدىكى ۋونام ياكى بىنام (Bnam ياكى Vnam)دېگەن نامنىڭ ئاھاڭى، مەنىسى «تاغلىق رايون» دېگەنلىك دەپ قارىماقتا. مىلادى Ⅰ ئەسىرلەردە بۇ دۆلەتنىڭ زېمىنى مېكونگ دەرياسى دېلتىسى رايونىدا بولۇپ، ئايال پادىشاھ ليۇيى باشقۇرغان. كېيىنرەك ليۇيى چەتتىن كەلگەن خونتيەن(ياكى خونكۇي) دېگەن كىشىگە ياتلىق بولۇپ، پادىشاھلىق خونتيەننىڭ قولىغا ئۆتكەن. Ⅱ ئەسىردە خونيەنكۇاڭ ھەرقايسى قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرى سەركەردە ۋانمان (ياكى ۋانىشمان) ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، قوشنا ئۇششاق بەگلىكلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. تەسىر كۈچى مالاي يېرىم ئارىلىغا يېتىپ بېرىپ، ئۆزىنى «ۋونام پادىشاھى» دەپ ئاتىغان. تەخمىنەن 225-يىلى ۋانمان ئۆلۈپ، پادىشاھلىق تەختىنى سەركەردە ۋانجەن قولغا كىرگۈزۈۋالغان. كېيىن ۋانجەن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردە ۋانشۇن ئۆزىنى كورۇل قىلىپ تىكلىگەن. Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ھىندىستاندىن كەلگەن براخمان كائۇندىنىيا(Kaundinya) ۋونامغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ھىندىستاننىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىنى يولغا قويغان. براخما دىنىنىڭ سىۋا(Siva) مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان. كېيىنرەك بۇددا دىنىمۇ تارقالغان. ئۇنىڭ پايتەختى ۋىيادخاپۇرا (Vyadhapura، ھازىرقى پرېۋېك ئۆلكىسىدە). Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋونام شىمالدىكى بېقىندىسى بولغان چېنىلا بەگلىكى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، پايتەختنى جەنۇبقا يۆتكىگەن.تەخمىنەن 627-يىلى چېنلا تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 243-يىلى (پادىشاھ ۋۇ چىۋۇنىڭ 6-يىلى) ۋانجەن جۇڭگودىكى شەرقىي ۋۇغا ئەلچى ئەۋەتكەن. شەرقىي ۋۇمۇ كاڭتەي، جۇيىڭلارنى ۋۇنامغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن. ۋونام كېيىن غەربىي جىنغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. تاڭ سۇلالىسى جىنگۇەن يىللىرى (627 — 649) ۋونام چېنلا تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىنمۇ تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچىلىرى كېلىپ تۇرغان.

ۋوينىچ

  • ۋوينىچ[يەشمىسى:]» (Ethel Lilian Voynich، 1864 — 1960) ئىرلاندىيىلىك ئايال يازغۇچى. 1885-يىلى بېرلىن مۇزىكا ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1887 — 1889-يىللىرى پېتېربۇرگدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، روسىيە ئىنقىلابىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشقان. 1892-يىلى پولشا ئىنقىلابچىسى م.ۋويىنچ بىلەن توي قىلغان. 1897-يىلى ئاساسلىق ئەسىرى « كۆكۈيۈن» دېگەن رومانىنى ئېلان قىلىپ، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ئىتالىيە خەلقىنىڭ ئاۋسترىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تەسۋىرلەپ، كاتولىك چېركاۋىنىڭ ئەكسىيەتچىل قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئىنقىلابچى «كۆكۈيۈن»نىڭ ئوبرازىنى ياراتقان.

ۋۇبان

  • ۋۇبان[يەشمىسى:]» (Sébastien Leprestre,Marquis de Vauban، 1633 — 1707) فرانسىيە مارشالى. ھەربىي ئىشلار ئىنژېنېرى. كىچىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1651-يىلى ھەربىي سەپكە قاتناشقان. فۇرۇند ھەرىكىتى داۋامىدا، شاھزادە كوندېنىڭ قىسىملىرىغا قاتنىشىپ، ئوردىغا قارشى چىققان، كېيىن ئەسىرگە ئېلىنغان. 1653-يىلى مازارىننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، 1655-يىلى كورۇلنىڭ ھەربىي ئىشلار ئىنژېنېرى بولغان، ئىستىھكام قۇرۇش ۋە شەھەرگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىش بىلەن داڭق چىقارغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، دۇنكرك، لىللې قاتارلىق جايلاردىكى بىر يۈرۈش ھەربىي قورۇلارنى ئۆزگەرتىپ چىققان ۋە يېڭىدىن ياساپ چىققان، ئېسكۇ دەرياسىدىن تارتىپ مائاس دەرياسى ۋە رېين دەرياسى ئەتراپىدىكى ئىستىھكاملارنى قۇرۇپ چىققان؛ بەزى چوڭراق بولغان پورت ۋە قاناللارنى ياسىغان. لۇئى ⅩⅣ قوزغىغان سىرتقى ئۇرۇشتا، گوللاندىيىگە قاراتقان كۆپ قېتىملىق شەھەرنى قامال قىلىش ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلغان. 1674-يىلى كومودورلىققا ئۆستۈرۈلگەن، 1678-يىلى ھەرقايسى قورۇللارنىڭ باش مۇپەتتىشى بولغان. ئوگىسبۇرگ ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشىدا، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتكەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن ھەمدە مونىس (Mons) قاتارلىق قورۇللارنى ئېلىپ، زور شۆھرەت قازانغان. 1703-يىلى مارشاللىققا كۆتۈرۈلگەن، كېيىن لۇئى ⅩⅣ نىڭ باج سىياسىتى بىلەن دىنىي سىياسىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، سەت كۆرۈنۈپ قالغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «قورۇلغا ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇداپىئە كۆرۈش توغرىسىدا»،«شەھەر قۇرۇلۇشى ماقالىلىرى توپلىمى»،«ھەربىي ئىشلار ئەسلىمىلىرى» قاتارلىقلار بار.

ۋۇتىڭيەن

  • ۋۇتىڭيەن[يەشمىسى:]» (1901 — 1963) «ۋيېتنام جۇمھۇرىيىتى» زۇڭتۇڭى (1955 — 1963). گۇاڭپىڭ ئۆلكىسىدىن. بيۇروكرات پومېشچىك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، كاتولىك. ياشلىق چاغلىرىدا فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئۈچۈن كەتمەن چېپىپ ھاكىم، ئۆلكە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1933-يىلى پادىشاھ باۋدانىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1940 — 1945-يىللىرى ياپونىيە ئىشغالىيىتى مەزگىلىدە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا بېقىنغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، فرانسىيىنىڭ مۇددىئاسى بويىچە ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان. 1950-يىلى ئامېرىكىغا بارغان. 1954-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ، باۋدا ھاكىمىيىتى (1913)نىڭ زۇڭلىسى بولغان. 1955-يىلى ئامېرىكىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن باۋدانى غۇلىتىپ، «جۇمھۇرىيەت» قۇرۇپ، ئۆزى زۇڭتۇڭ، قوشۇمچە زۇڭلى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلىدە فاشىستىك مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈپ، ۋيېتنامنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان. بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي ۋيېتنام خەلقلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1963-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا پىلانلىغان بىر قېتىملىق ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئۇكىسى ۋۇتىڭرۇ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ۋۇجۈيلار

  • ۋۇجۈيلار[يەشمىسى:]» چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىكى جايلاردا ياشىغۇچى قەدىمكى زامان ئاھالىلىرى. ئۇلار فۇيۇكلەر، كورىيانلار بىلەن ئوخشاشلا مو مىللىتىدىن. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قەيت قىلىنغان ئەڭ دەسلەپكى يازما ھۈججەتلەرنى «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى. ۋېي پادىشاھلىقى تەزكىرىسى. كۈنچىقىشتىكى يات ئەللەر تەزكىرىسى»دە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇلار دەسلەپكى چاغلاردا ۋېي جەمەتى چاۋشيەن دۆلىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان، مىلادىدىن 109 يىل ئىلگىرى خەن ۋۇدى ئەسكەر چىقىرىپ ۋېي جەمەتى چاۋشيەن دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلغان، ئىككىنچى يىلى ۋېي جەمەتىنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆت ۋىلايەت تەسىس قىلغان، ۋۇجۈي رايونى شۇەنتو ۋىلايىتى (بىرىنچى شۇەنتو ۋىلايىتى) بولغان، ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ۋۇجۈي شەھىرى (ھازىرقى خامگىيوڭ-نامدو ۋىلايىتى خامگىيوڭ ئەتراپىدىكى شېشيەن ناھىيىسى)دە بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي شۇەنتو ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ۋۇجۈي ناھىيىسى ناكران ۋىلايىتىگە تەۋە بولۇپ، شەرقىي كاھبېگىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. شەرقىي خەن سۇلالىسى پادىشاھى گۇاڭۋۇدىنىڭ جيەنۋۇ 6-يىلى (مىلادى 30-يىلى) كۈنچىقىش باش كاھبېگى مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋۇجۈي ئەمرى، ناھىيە بېگى بولغان، ئۇزۇن ئۆتمەي كورىيانلار تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان. Ⅱ — Ⅲ ئەسىرلەردە ۋۇجۈيلەر جەنۇب، شىمال دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن، شىمالىي ۋۇجۈيلەرخامگيوڭ-پۇكتۇ ۋىلايىتى ۋە تۇمانگان دەريا ۋادىسى ئەتراپلىرىدا ياشىغان، جەنۇبىي ۋۇجۈيلەر بەزىدە شەرقىي ۋۇجۈيلەر دەپمۇ ئاتىلىپ خامگىيوڭ-نامدو ۋىلايىتى ئەتراپلىرىدا ياشىغان.

ۋۇچالى شەرتنامىسى

  • ۋۇچالى شەرتنامىسى[يەشمىسى:]» ئىتالىيە ئېفىئوپىيىنى ئالداپ مەجبۇرىي ئىمزالاتقان تەڭسىز شەرتنامە. 1889-يىل 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋۇچالى (Wuchali) يېزىسىدا تۈزۈلگەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. شەرتنامىدە: ئىتالىيە ئېفىئوپىيىگە قورال-ياراق، ئوق-دورا يەتكۈزۈپ بېرىش، مېنېلكېنى ئېفىئوپىيىنىڭ پادىشاھى دەپ ئېتىراپ قىلىش، ئېفىئوپىيە ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى تۈزلەڭ رايونىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش بەلگىلەنگەن. 1890-يىلى ئىتالىيە شەرتنامىنىڭ مەزمۇنىنى بۇرمىلاپ، ئۆز ئالدىغا ئېرېترىيىنى مۇستەملىكە، ئېفىئوپىيىنى ھامىيلىقىدىكى دۆلەت دەپ ئېلان قىلغان.1893-يىلى ئېفىئوپىيە شەرتنامىنى ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلغان.1895-يىلى ئىتالىيە ئۇرۇش قوزغاپ، ئىككىنچى يىلى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، شەرتنامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، ئېفىئوپىيىنىڭ تامامەن مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

ۋۇچۇەن

  • ۋۇچۇەن[يەشمىسى:]» (898 — 944) ۋيېتنام ۋۇ سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ۋيېتنام تارىخىدا ئالدىنقى ۋۇ پادىشاھى دەپ ئاتىلىدۇ. تاڭلىن (ھازىرقى خېجىڭ رايونى) بولۇپ، ئاتىسى ئايماق بېگى بولغان. جەنۇبىي خەنجىڭ دېڭىز ئارمىيىسى ھېراۋولى ياڭ تىڭيىنىڭ قول ئاستىدىكى سانغۇن ۋە ئۇنىڭ كۈيئوغلى. مىلادى 937-يىلى ياڭ تىڭيىنىڭ قول ئاستىدىكى يانداش سانغۇن چياۋ گۇڭشيەن ياڭ تىڭيىنى ئۆلتۈرۈپ، جەنۇبىي خەنگە بەيئەت قىلغان. ئىككىنچى يىلى ۋۇچۇەن ئۆزىگە قاراشلىق ئەيجۇ ئايمىقى (ھازىرقى چىڭخۇا ئۆلكىسى)دە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ چياۋ گۇڭشيەننى ئۆلتۈرگەن ھەمدە چياۋ گۇڭشيەنگە ياردەمگە كەلگەن جەنۇبىي خەن ئارمىيىسىنى بەيتىڭجياڭ دەرياسى بويىدا تارمار قىلغان. 939-يىلى ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاپ گۇئى شەھىرىنى پايتەخت قىلغان.

ۋۇچېڭ ئۇرۇشى

  • ۋۇچېڭ ئۇرۇشى[يەشمىسى:]» ياپونىيىنىڭ مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن كونا شوگنات ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش، بۇ ئۇرۇش شەمسىيە ۋۇچېڭ يىلى (1868-يىلى، بېلىق يىلى) پارتلىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنگەن: بىرىنچى باسقۇچ، توبا فۇشىمى ئۇرۇشىدىن تارتىپ ئېدو شەھەرنى ھەدىيە قىلىپ تەسلىم بولغانغا قەدەر. 1868-يىلى پادىشاھلىق ھاكىمىيەت كونىلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، توكۇگاۋا يوشىنوبۇ ئەسكەر چىقىرىپ پايتەختكە ھۇجۇم قىلىپ ئۇرۇش قوزغىغان. توبا فۇشىمۇ ئۇرۇشىدا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى شوگنات ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن ئەسكىرىي كۈچىنى ئۈچ يولغا بۆلۈپ ئېدوغا ھۇجۇم قىلىپ، يوشىنوبۇنى شەھەرنى تاپشۇرۇپ تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلغان. 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئېدونى ئىشغال قىلغان، يوشىنوبۇ چېكىنىپ چىقىپ يۇرتى مىتوغا كەتكەن. ئىككىنچى باسقۇچ، دىكويودىكى ۋاسساللار ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئائىزۇ ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانغا قەدەر. ئېدو شەھەرنى تاپشۇرۇپ تەسلىم بولغاندىن كېيىن، شەرقىي شىمالدىكى ئائىزۇ، شونەيدىن ئىبارەت ئىككى ۋاسساللىق داۋاملىق قارشىلىق كۆرسەتكەن، ھۆكۈمەت ئەسكەر چىقىرىپ باستۇرۇشنى قارار قىلغان. ئابىزۇ ۋە شونەي ۋاسساللىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 1868-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى سېندەي، يونېزاۋا قاتارلىق 25 ۋاسساللىق دىكو ۋاسساللار ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغاندىن كېيىن، شىنفاتيەن، ناگائوكا قاتارلىق شەرقىي شىمالدىكى ئالتە ۋاسساللىقمۇ قاتنىشىپ، دىكو ۋاسساللار ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن. ھۆكۈمەت ئارمىيىسى يەرلىك ئاممىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا ئېچىگو ئىراكاۋا، خىراگاتادىن ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ ئەسكەر چىقىرىپ ئىلگىرىلىگەن. 9-، 10-ئايلاردا يونېزاۋا، سېندەي، ئابىزۇ، شونەي قاتارلىق چوڭ ۋاسساللار ئارقا-ئارقىدىن تەسلىم بولغان، دىكو ۋاسساللار ئىتتىپاقى ئاخىرى پارچىلىنىپ كەتكەن. ئۈچىنچى باسقۇچ: توكۇگاۋا شوگنات ئارمىيىسىنىڭ كونا ۋەزىرى خوككايدۇنى ئىشغال قىلغاندىن تارتىپ گوريوكاكۇنىڭ قولىدىن كېتىشىگە قەدەر. 10-ئاينىڭ 4-كۈنى، سابىق شوگنات دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى ئېنومو تۇتاكېئاكى سەككىز ھەربىي پاراخوتنى باشلاپ ئېدو قولتۇقىدىن قېچىپ چىقىپ، خوككايدۇغا بارغان. 11-ئاينىڭ 8-كۈنى خاكوداكى بازىرى بىلەن ۋۇلىڭگودىن ئىبارەت مۇھىم ئۆتكەلنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1869-يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنىخاككوداتېدا شايىداۋ ھۆكۈمىتىنى قۇرغان. ھۆكۈمەت دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىلىرىنى جازالاشقا ئەۋەتكەن. 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ماتسومائې شەھىرىنى قايتۇرۇۋالغان. 6-ئاينىڭ 20-كۈنى خاككوداتېغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ، 6-ئاينىڭ 27-كۈنى گوديوگاكۇ مۇھىم ئۆتكەلنى بېسىپ ياتقان ئېنوموتوكىئاكىنىڭ بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلغان. بىر يېرىم يىل ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ۋۇچېڭ ئۇرۇشى بىر قېتىملىق كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولغان ئىچكى ئۇرۇش بولۇپ، بۇ ئۇرۇش شوگناتنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ۋەيران قىلىپ، غەرب مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستلىرىنى تارمار قىلىپ، يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىدىن كېيىن قۇرۇلغان بىرلىككە كەلگەن دۆلەتنى مۇستەھكەملىگەن.

ۋۇسلى

  • ۋۇسلى[يەشمىسى:]» يەنى «مىسىر» غا قاراڭ.

ۋۇكالوۋىچ

  • ۋۇكالوۋىچ[يەشمىسى:]» (Luka Vukalovic ، 1823— 1873) Ⅹ Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى گېرتسېگوۋىنا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى.قورال-ياراق ئۇستىسى بولغان. 1852 — 1862-يىللىرى مونتېنېگرونىڭ قوللىشى ئاستىدا، گېرتسېگوۋىنا خەلقىنىڭ تۈركىيىنىڭ زۇلمىغا قارشى قوزغىلىڭىغا ئۈچ قېتىم رەھبەرلىك قىلغان. 1826-يىلى تۈركىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، تۈركىيە شۇ يىلى مونتېنېگروغا بېسىپ كىرگەندە، بىتەرەپ تۇرغاچقا ئىناۋىتى چۈشۈپ كەتكەن. تۈركىيە بىلەن سۆھبەت قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپى قانائەتلەندۈرۈلمىگەچكە، 1864-يىلى يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولغان، لېكىن ئەمەلگە ئاشمىغان. 1865-يىلدىن باشلاپ روسىيىدە مۇھاجىر بولۇپ، شۇ يەردە ئۆلۈپ كەتكەن.

ۋۇلكان

  • ۋۇلكان[يەشمىسى:]» (Vulcanus) قەدىمكى رىم ئەپسانىلىرىدىكى ئوت خۇداسى.«گېفىسىت»غا قاراڭ.

ۋېئاتلېي

  • ۋېئاتلېي[يەشمىسى:]» (Phillis Wheatley، تەخمىنەن 1753 — 1784). ئامېرىكىلىق نىگېر شائىر. ئافرىقىدىكى سېنېگالدا تۇغۇلغان.1761-يىلى بوستونغا بۇلاپ ئېلىپ بېرىلىپ، كىيىم سودىگىرى يوھان ۋېئاتلېيگە قۇل قىلىپ سېتىلغان. قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئىنگلىزچىگە كامىل بولغان، گرېكچە ۋە لاتىنچىنى پىششىق بىلىۋالغان.13 يېشىدىلا شېئىر يېزىشقا باشلىغان. 1773-يىلى لوندونغا بارغان ھەمدە شېئىرلار توپلىمى «خىلمۇخىل كۈيلەر»نى نەشىر قىلدۇرغان. بۇ توپلامدىكى شېئىرلىرىدىن ۋە ئەخلاق قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىپ، زوراۋانلىق ۋە قۇل قىلىشقا قارشى تۇرغان. ئۇزاق ئۆتمەي بوستونغا قايتىپ كەلگەن ۋە خوجايىنى ئۆلگەندىن كېيىن ئەركىنلىككە ئېرىشكەن. 1778-يىلى بىر ئەركىن نىگېر بىلەن تۇرمۇش قۇرغان.ئەسەرلىرى «فىللىس ۋېئاتلېينىڭ ئەسلىمىلىرى ۋە شېئىرلىرى»،«فىللىس ۋېئاتلېينىڭ خەت-چەكلىرى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ھەرىكىتىگە مەلۇم تەسىرى بار.

ۋېب

  • ۋېب[يەشمىسى:]» (Sidney James Webb، 1947 — 1859) ئەنگلىيىلىك سىياسىي ئوبزورچى، فابىيان سوتسىيالىزمىنىڭ نەزەرىيىچىسى، بېركىنبىك ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1885-يىلى فابىيان جەمئىيىتىگە قاتناشقان. 1892-يىلى لوندون ئىقتىسادىي ئىنستىتۇتىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ھەمكارلاشقان ھەمدە پروفېسسور بولغان. 1922-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1924-يىلى بىرىنچى نۆۋەتلىك لېبورىستلار پارتىيىسى كابى-نېتىدا سودا ۋەزىرى بولغان. 1929—1931-يىللىرى ئىككىنچى نۆۋەتلىك لېبورىستلار پارتىيىسى كابىنېتىدا مۇستەملىكە ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. «تەدرىجىي ئىلگىرىلەش» ئۇسۇلى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، يەر ۋە سودا-سانائەت كارخانىلىرىنى دۆلەت ئىگىلىكى ياكى شەھەر ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەنگلىيە لېبورىستلار پارتىيىسىنىڭ سىياسىتىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. مۇھىم ئەسەرلىرى:«ئەنگلىيە سوتسىيالىزمى»،«سانائەت دېموكراتىيىسى»،«ئەنگلىيىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر» قاتارلىقلار.

ۋېبلېن

  • ۋېبلېن[يەشمىسى:]» (Thorstein Bunde Veblen، 1857 — 1929) ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس، تۈزۈم ئىلمىي ئېقىمىنى ياراتقۇچى. ۋىسكونسىن شتاتىدا تۇغۇلغان.880-يىلى كاردون شۆيۈەنىدە ئەدەبىيات ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1884-يىلى يېرو داشۆسىدە پەلسەپە بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1892 — 1918-يىللاردا چىكاگو داشۆسى، سىتانفورد داشۆسى ۋە مىسسورى داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئۇنىڭ نەزەرىيىسى سبىنسېنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، شۇ چاغدا ئېقىپ يۈرگەن بۇرژۇئا سىياسىي ئىقتىساد نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغان. ئۇ جەمئىيەت بىر خىل بىرىكمە گەۋدە، كىشىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ھەرىكىتى بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئۇنى بىرنەچچە تىپ قىلىپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، جەمئىيەت ۋە ئادەم ھەرىكىتىنىڭ تۈرلىرى ئۈزلۈكسىز چەكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.ئەمما چەكلىك دائىرىدە ئۇنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ دەپ ھېسابلىغان. ئۇ تۈزۈمنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى تەتقىق قىلىش مەركەز قىلىنغان ئىقتىساد نەزەرىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى رولىغا سەل قارىغان.«بىكار تەلەت سىنىپلار ھەققىدە»،«كارخانىلار ھەققىدە»،«ئىنژېنېر ۋە باھا سىستېمىسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

ۋېچې

  • ۋېچې[يەشمىسى:]» رۇسچە Beue نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، رۇس تىلىدىكى ۋېششات (Beшatb) دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن بولۇپ، «كېڭەش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مىلادى Ⅸ—Ⅵ ئەسىرلەردە پراۋسلاۋىيان قەبىلىلىرىنىڭ خەلق چوڭ يىغىنى؛ ⅩⅤ—Ⅹ ئەسىرلەردە قەدىمكى كيېۋرۇسنىڭ ھەرقايسى كىنەزلىكلىرىدىكى بەزى شەھەرلەر (مەسىلەن: كيېۋ، چېرنىگوۋ، سىمولىنىسكى، رۇستوۋ، نوۋوگورود،ۋىلادىمىر قاتارلىقلار)نىڭ ئەڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى. Ⅻ — Ⅺ ئەسىرلەردە شەھەر ئەمەلدارلىرىنى سايلاش، ئەدلىيە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، كىنەزلەرنى چاقىرتىش ۋە يەڭگۈشلەش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە قارار قىلىش ھوقۇقى بولغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى مۇقىم بولمىغان، ئەمەلىي ھوقۇق كۆپىنچە چوڭ ئاقسۆڭەكلەر ۋە باي سودىگەرلەرنىڭ قولىدا بولغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ⅩⅤ ئەسىرنىڭ بېشىغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىكار قىلىنغان.

ۋېدا

  • ۋېدا[يەشمىسى:]» (Veda) «بىلىم» ياكى «يورۇقلۇق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، قەدىمكى ھىندىستاندىكى براخما دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى. ئۇ، مەزمۇنى، خاراكتېرى ۋە تۈزۈلگەن ۋاقتىغا قاراپ تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بۇ براخمانلارنىڭ ئارىسىدا ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئېغىز ئارقىلىق تارقىلىپ كەلگەن بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئوخشاش بولمىغان نۇسخىلىرى بارلىققا كەلگەن. كېيىن سانسكرىت يېزىقى بىلەن پالما دەرىخى يوپۇرمىقى ياكى دەرەخ قوۋزاقلىرىغا يېزىپ قالدۇرۇلغان. تۆت ۋېدا كىتابى ئىچىدە «رىگ ۋېدا»( Veda-Rig) يەنى «نۇر ھەققىدە قەسىدە» قىسمى ئەڭ كونا، ئەڭ قىممەتلىك قىسمى بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن 1200 — 900 يىللار ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى نەزمىلىرى ئۇنىڭدىن خېلى بۇرۇن بارلىققا كەلگەن بولسا كېرەك. بۇ، تەڭرىلەرنى مەدھىيىلەشنى مەزمۇن قىلغان ئىپتىدائىي ناخشىلار توپلىمى بولۇپ، 1028 كۇپلېت مەدھىيە ناخشىسى بار، 10 جىلدقا بۆلۈنگەن. ئاساسەن گۈلدۈرماما، چاقماق، يامغۇر مۇئەككىلى ئىندىرا، ئوت مۇئەككىلى ئاگنى ۋە شاراب مۇئەككىلى سۇما (Suhma) قاتارلىقلار مەدھىيىلەنگەن. «ساما-ۋېدا» (Veda-Sama) يەنى «نۇر ھەققىدە ناخشىلار»دا، جەمئىي 1549 شېئىر بولۇپ، كاھىنلارنىڭ نەزىر-چىراق قىلغاندا ئېيتىدىغان ناخشىلىرى. كۆپ قىسمى «رىگ-ۋېدا»دىن ئېلىنغان ياكى رىگ-ۋېدا ئاساسىدا كېيىنكىلەر تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ تۈزۈپ چىقىلغان. «ياجۇر-ۋېدا» (Veda-Yajur) يەنى «نۇر ھەققىدە نەزىر-چىراق» جەمئىي 40 بابقا بۆلۈنگەن. مەدھىيە ناخشىلىرىنىڭ كۆپى «رىگ- ۋېدا»دىن ئېلىنغان، شۇنداقلا مەخسۇس نەزىر-چىراق مۇراسىملىرىغا ئاتاپ تۈزۈپ چىقىلغان. پەقەت مەدھىيە ناخشىلىرى ئارىسىغا نەسىرلەرمۇ قىستۇرۇلغان.«ئاتارۋا-ۋېدا» (Veda-Atharva) يەنى «نۇر ھەققىدە بالايىئاپەتتىن خالاس بولۇش دۇرۇتى» جەمئىي 731 كۇپلېت قوشاق بولۇپ، 20 جىلدقا بۆلۈنگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇنى ئەۋلىيا— ئاتارۋا يەتكۈزگەنىكەن. بۇنىڭ تۈزۈلگەن ۋاقتى يۇقىرىقى ئۈچ قىسىمدىن كېيىنرەك بولۇپ، ئاساسەن ئاپەتتىن خالاس قىلىدىغان تۇمار، ئەپسۇنلاردىن ئىبارەت. بۇ كۆپرەك پېرىخۇنلارنىڭ تۇغۇت، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى، پادىشاھ-بەگلەرنى ئەمەلگە تەيىنلەش مۇراسىملىرى قاتارلىق ئۆرپ-ئادەت، دۇئا-تىلاۋەت مۇراسىملىرىدا قوللىنىلغان. ۋېدا كىتابى، بولۇپمۇ «رىگ-ۋېدا» دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا مۇئەييەن ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنداقلا قەدىمكى ھىندىستان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئالىملار ئارىيانلارنىڭ ھىندىستانغا كۆچۈپ كىرگەن دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بىر باسقۇچلۇق تارىخىنى كۆپىنچە «ۋېدا دەۋرى» دەپمۇ ئاتايدۇ.

ۋېرت

  • ۋېرت[يەشمىسى:]» (Georg Weerth، 1822 — 1856)، گېرمانىيىنىڭ پرولېتارىيات شائىرى، سىياسىي ئوبزورچىسى ۋە ئىنقىلابچىسى، ماركس، ئېنگېلسلارنىڭ يېقىن دوستى. نامرات مىسسىئونېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا سودا سارىيىدا شاگىرت، بوغالتىر ۋە سودا ۋەكالەتچىسى بولغان. سەنئەت ۋە شېئىرنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەن. 1843-يىلى ئەنگلىيىگە كۆچۈپ بېرىپ، ئېنگېلس بىلەن كۆرۈشكەن. 1845-يىلى بىريۇسسېلدا ماركس بىلەن تونۇشۇپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان. 1847-يىلى كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 1848-يىلى ياۋروپا ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، دەرھال گېرمانىيىگە قايتىپ بېرىپ، ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە كىرىشىپ كەتكەن. 6-ئايدا «يېڭى رېين گېزىتى»نى تەسىس قىلىشقا قاتناشقان. ئۆتكۈر قەلىمى ئارقىلىق پرولېتارىياتنىڭ تۇرمۇشى ۋە كۈرىشىنى كۈيلەيدىغان نۇرغۇن شېئىرلارنى ۋە دەۋر ئىللەتلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغان، پاش قىلىدىغان فېليەتون ۋە ئەدەبىي پارچىلارنى يازغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە لوندوندا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان ۋە سودا پائالىيىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىپ، غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى بىلەن ياۋروپا ئارىلىقىدا دائىم بېرىپ كېلىپ تۇرغان. 1855-يىلى11-ئايدا سېرىق قىزىتما كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، كېيىن ھاۋانادا ۋاپات بولغان. ئاساسلىق شېئىرلىرى«ئاچزارلىقناخشىسى»،«لەتكېشا ناخشىسى»،«زەمبىرەك ياسىغۇچىلار»،«نىمكار ناخشىسى»،«باھار ناخشىسى» ۋە ھەجۋىي ھېكايە «مەشھۇر رىتسار پوھانىسكىينىڭ ھاياتىدىكى تۆھپىسى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئېنگېلس ئۇنى «گېرمانىيە پرولېتارىياتىنىڭ تۇنجى ئەڭ مۇنەۋۋەر شائىرى» دەپ ئاتىغان.

ۋېردۇن شەرتنامىسى

  • ۋېردۇن شەرتنامىسى[يەشمىسى:]»مىلادى 843-يىلى كورۇل چارلېسنىڭ ئۈچ نەۋرىسى، يەنىلوتخائىيرېⅠ(LothaeireⅠ)، لۇيىس (Louis گېرمان) ۋە چارلېس (تاز) ۋېردۇن (Verdun، ھازىرقى فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان)دا ئىمزالىغان بىر شەرتنامە. ئۇنىڭدا چارلېس ئىمپېرىيىسى ئۈچكە بۆلۈنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن: لوتخائىيرې ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە شىمالىي ھەم رېين دەرياسى ۋە ئالپىس تېغىنىڭ غەربىي ئېسكائۇت (Escaut ياكى سىچلدې Schelde) دەرياسى، ساۋنې (Saone) دەرياسى، رخونې(Rhone) دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى يەرلەرگە ئىگە بولۇپ، ئوتتۇرا پادىشاھلىق دەپ ئاتالغان ھەمدە پادىشاھلىق نامغا ۋارىسلىق قىلغان. لېكىن ئىككى ئىنىسىغا قارىتا چەكلەش كۈچى يوق ئىدى؛ لۇيىس (گېرمان) رېين دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى يەرلەرگە ئىگە بولغان. شەرقىي فراك پادىشاھلىقى دەپ ئاتالغان؛ چارلېس (تاز) لوتخائىيرېنىڭ سۇيۇرغاللىرىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى يەرلەرگە ئىگە بولۇپ، غەربىي فراك پادىشاھلىقى دەپ ئاتالغان. مەزكۇر شەرتنامە ھازىرقى ئىتالىيە، گېرمانىيە ۋە فرانسىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سېلىپ بەرگەن.

ۋېردۇن ئۇرۇشى

  • ۋېردۇن ئۇرۇشى[يەشمىسى:]» بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە ئارمىيىسى ۋېردۇندىكى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ بازىسىغا ھۇجۇم قىلغان جەڭ. بۇ جەڭ ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنگەن: (1) گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇم قىلىش باسقۇچى. (1916-يىل2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە)؛(2) فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش باسقۇچى (9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە) گېرمانىيە ئارمىيىسى دەسلەپتە ئالتە يېرىم شى ئەسكىرى كۈچى بىلەن 946 دانە زەمبىرەكنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا مائاس دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدا فرانسىيىنىڭ ئىككى شىسى قوغداپ ياتقان، كەڭلىكى 15 كىلومېتر كېلىدىغان رايوندىن بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان، نەتىجىدە ۋۇجۇدقا چىقمىغان. 3-ئايدا گېرمانىيە ئارمىيىسى مائاس دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدا ھۇجۇمغا ئۆتكەندە يەنە مەغلۇپ بولغان؛ 2-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئارانلا 7 كىلومېتر ئالغا ئىلگىرىلىيەلىگەن. 6-ئايدا گېرمانىيە ئارمىيىسى يەنە بىر قېتىم بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولغاندا يەنىلا نەتىجە قازىنالمىغان. گېرمانىيە ئارمىيىسى 8-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ، مۇداپىئەلىنىشكە مەجبۇر بولغان. فرانسىيە ئارمىيىسى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى كەڭ كۆلەملىك قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، 12-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە قولدىن كەتكەن يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇۋالغان. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ۋېردۇن ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيىتى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى غەربىي سەپتە جەڭ قىلىشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان.

ۋېردى

  • ۋېردى[يەشمىسى:]» (Giuseppe Verdi، 1813 — 1901) ئىتالىيىلىك كومپوزىتور. يېزىدىكى كىچىك بىر ساراي خوجايىنى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق چاغلىرىدا يېزا مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسىدىن مۇزىكا ئۆگەنگەن. كېيىن كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن مىلانغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان. 1838-يىلدىن باشلاپ ئوپېرا ئىجاد قىلىشقا كىرىشكەن. 1848-يىلى ماززىنىڭ ھاۋالە قىلىشى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشا «ياڭرات، مارشىڭنى»نىيازغان. 40-يىللاردىكى «نابۇكو»،«لومباردلار» ۋە «ئونانى» قاتارلىق ئوپېرالىرىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيە ۋە يات مىللەتنىڭ زۇلمىغا قارشى تۇرۇش روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئىتالىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ بىرلىككە كېلىشى ۋە مۇستەقىللىك ھەرىكەتلىرىدە رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينىغان. 50-ۋە 60-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىجاد قىلغان «لىگلېتو»،«ناخشىچى شائىر» ۋە «كامىللىيە قىز» ناملىق ئوپېرالىرىدا ئىتالىيە خەلق قوشاقلىرى ۋە خەلق ئۇسسۇل-مۇزىكىلىرىدىن تاللاپ ئېلىنغان مۇزىكا تىلى ئارقىلىق پېرسوناژلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ھەم چىراي-شەكلى جانلىق تەسۋىرلەنگەن. 70-يىللاردىن 90-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئىجاد قىلغان ئوپېرالىرىغا ئىتالىيە ئوپېرا تارىخىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەھمىيىتى بولغان «ئايېدا»،«ئوتېللو» ناملىق ئوپېرالىرى ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ ئوپېرالاردا مۇزىكا جەھەتتە رېچتاتىۋ بىلەن ئارىيە ئارىلاشتۇرۇپ بىر گەۋدە قىلىنغان، نەيلىك-تارىلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن ئورۇنلىنىدىغان مۇزىكىلارنىڭ ئۈنۈمى خېلى ئۇتۇقلۇق بولغان. ۋېردىنىڭ 30 پارچىدىن ئوشۇق ئوپېراسىدىن باشقا، يەنە مانزونىنى ئەسلەش يۈزىسىدىن ئىجاد قىلغان «سېغىنىش كۈيى» ھەمدە بىرقانچە ناخشىلىق مۇزىكىلىرى بار.

ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى

  • ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:]»(1) «پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى»؛ (2) تولۇق ئاتىلىشى «ئانتانتا ۋە ئۇرۇشقا قاتناشقۇچى دۆلەتلەرنىڭ گېرمانىيە بىلەن تۈزگەن سۈلھ شەرتنامىسى». بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغان جاھانگىرلىك شەرتنامىسى. 1919-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇنى ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئىتالىيە قاتارلىق غەلىبە قىلغۇچى دۆلەتلەر بىلەن مەغلۇبىيەتچى دۆلەت گېرمانىيە پارىژنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ۋېرسال سارىيىدا ئىمزالىغان. 1920-يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. بۇ سۈلھ شەرتنامە 440 ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 15 قىسىمغا بۆلۈنگەن. ئۇنىڭ بىرىنچى قىسمى خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ئەھدىنامىسى ئىدى. باشقا قىسىملاردا ئاساسەن مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: گېرمانىيە ئارساس-لوررېننى فرانسىيىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ: سار كۆمۈر كېنى فرانسىيىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ؛ سار رايونىنى خەلقئارا ئىتتىپاق 15 يىل باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، مۇددەت توشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ تەۋەلىكى پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ؛ ئاتنانتا دۆلەتلىرى رېين دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىنى 15 يىل ئىشغال قىلىپ تۇرىدۇ. ئوڭ قىرغاقتىكى 50 كىلومېتر كەڭلىكتىكى رايونلار مۇداپىئە قويمايدىغان رايون قىلىنىدۇ. ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر گېرمانىيىنىڭ مۇستەملىكىلىرىنى بۆلۈشۈۋالىدۇ. گېرمانىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ياپونىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. گېرمانىيە غايەت زور تۆلەم تۆلەپ بېرىدۇ ھەمدە 100 مىڭ كىشىلىك ئوفىتسېر-ئەسكەر ساقلىسا بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ۋەكىلى سۈلھ شەرتنامىگە ئىمزا قويغان بولسىمۇ، ئامېرىكا پارلامېنتى ئۇنى تەستىقلىمىغان، جۇڭگو خەلقى نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن جۇڭگو ۋەكىلى سۈلھ شەرتنامىگە ئىمزا قويمىغان. ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى جاھانگىر چوڭ دۆلەتنىڭ سوۋېت روسىيىسىگە قارشى تۇرۇپ، مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەرنى تالان-تاراج قىلىش ۋە ئاجىز مىللەتنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش ئاساسىدا ئىمزالىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بالايىئاپىتى يوشۇرۇنغانىدى.

ۋېرسال-ۋاشىنگتون سىستېمىسى

  • ۋېرسال-ۋاشىنگتون سىستېمىسى[يەشمىسى:]» بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر قۇرغان جاھانگىرلىك تىنچلىق سىستېمىسى. 1919 — 1920-يىللاردا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق غەلىبە قىلغۇچى دۆلەتلەر مەغلۇپ دۆلەت گېرمانىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە، بۇلغارىيە ۋە تۈركىيە بىلەن «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى» ۋە باشقا شەرتنامىلەرنى ئىمزالاپ، ۋېرسال سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن.1921 — 1922-يىللاردا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يەنە ۋاشىنگتون يىغىنى چاقىرىپ، «توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى»ۋە باشقا شەرتنامىلەرنى ئىمزالاپ، ۋاشىنگتون سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ۋېرسال-ۋاشىنگتون سىستېمىلىرى جاھانگىر چوڭ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتدارلىقىنى مۇستەھكەملەپ، كاپىتالىزم دۇنياسىنىڭ ۋاقىتلىق تىنچلىقىنى قوغدىغان. لېكىن 30-يىللارغا كەلگەندە، كاپىتالىزم دۇنياسىدا ئىقتىسادىي كرىزىس، سىياسىي كرىزىس چوڭقۇرلاشقانلىقى ۋە كاپىتالىستىك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى كەسكىنلەشكەنلىكى ئۈچۈن گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە ئىتالىيىدىن ئىبارەت ئۈچ فاشىست دۆلەت ئۈچ بۇرجەك ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدا بىر قاتار قىسمەن ئۇرۇشلارنى قوزغاپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئامېرىكا بەرپا قىلغان بۇ سىستېمىلارنى پەيدىنپەي بۇزۇپ تاشلىغان. گېرمانىيە 1939-يىلى پولشاغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغانلىقتىن، بۇ سىستېمىلار ئۈزۈل-كېسىل پارچىلانغان.

ۋېرسال ئىتتىپاقى شەرتنامىسى

  • ۋېرسال ئىتتىپاقى شەرتنامىسى[يەشمىسى:]» يەتتە يىل داۋام قىلغان ئۇرۇشتا ئاۋسترىيە، فرانسىيە ۋە روسىيىنىڭ پرۇسسىيىگە قارشى ئىتتىپاق شەرتنامىسى. فرانسىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ 1756-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىمزالىغان «ۋېرسال ئىتتىپاقى شەرتنامىسى»غا ئاساسەن، ئىككى تەرەپ ئۆز زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ھەمدە ئۆزئارا ھەربىي ياردەم بېرىشى كېرەك ئىدى. 1757-يىل 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، بۇ شەرتنامىگە روسىيە قاتناشقان. فرانسىيە بىلەن ئاۋسترىيە 1758-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يېڭى «ۋېرسال ئىتتىپاقى شەرتنامىسى»نى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا پرۇسسىيە بىلەن سۈلھ قىلماسلىقىنى، فرانسىيىنىڭ 100 مىڭ ئەسكەر چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە ئاۋسترىيىگە مالىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئاۋسترىيىنىڭ سىلېزىيىنى ئېلىشىغا ياردەم بېرىشكە قوشۇلغانلىقىنى بەلگىلىگەن. روسىيە 1760-يىلى بۇ شەرتنامىگە قاتناشقان.

ۋېررى

  • ۋېررى[يەشمىسى:]» (Pierto Verri، 1728 — 1797) ئىتالىيىلىك مەرىپەتچى. پەيلاسوپ، ئىقتىسادشۇناس ۋە قانۇنشۇناس. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن 80-يىللىرىغىچە لومباردىيىدە فېئودالىزمغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، چېگرا بېجى ۋە مالىيە تۈزۈلمىسىدىكى ئىسلاھاتنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. مىلاندىكى ئىتالىيە مەرىپەت ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي تەشكىلاتى «كۈچ جەمئىيىتى» گە قاتناشقان. 1790-يىلى ئەركىن پادىشاھلىق تۈزۈم ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىپ، مۈلۈكدارلار سايلىمىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەكالەت تۈزۈمى ئاپپاراتىنى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. «كوفىخانا» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل تەھرىرى بولۇپ، ئەركىن سودا ۋە سانائەت تەرەققىياتىنى تەرغىپ قىلىپ قوغدىنىش چېگرا بېجى سىياسىتىنى قۇۋۋەتلىگەن.

ۋېرگىل

  • ۋېرگىل[يەشمىسى:]»(Publius Vergilius Maro، مىلادىدىن ئىلگىرى 70 — 19) قەدىمكى رىم شائىرى. ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مانتۇئا (Mantua)ئەتراپىدىكى ئاندېس (Andes) كەنتىدىكى بىر ئۇششاق يەر ئىگىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئەجدادى كرىت مىللىتىدىن بولۇشى مۇمكىن. ئۇ كرىمونا (Cremona)، مېدىئولانۇم (Mediolanum، يەنى مىلان) ۋە رىمدا ئوقۇپ ستىلىستىكا ۋە ئېپىكو ئۇروس ئېقىمىنىڭ پەلسەپىسىنى ئۆگەنگەن. ئالدىنقى «ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقى» نىڭ ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئائىلە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان. كېيىن ئوكتاۋىئۇس (ئاۋگۇستۇس شاھ) نىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشىپ، كامپانىيىدە بىر پارچە يەرگە ئىگە بولغان ھەمدە گۈزەل نېئاپولدا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مەخسۇس بىر ھويلا ئاجرىتىپ بېرىلگەن. ئۆمۈرۋايەت ئۆيلەنمىگەن. ئۇ مېسسېناس (Maecenas، ئوكتاۋىئۇسنىڭ دوستى)ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى ئاتاقلىق ئوردا شائىرىدۇر. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن ياش ۋاقتىدا يازغان «قىشلاق غەزىلى» («يېزا-قىشلاق شېئىرى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان، ئون پارچە) دا يۇنان ژانىرىغا تەقلىد قىلىپ، تەبىئەتنى سەمىمىي ھېسسىيات بىلەن مەدھىيىلىگەن. يەنە «ئېتىز ماھارىتى شېئىرى» («دېھقانچىلىق ئىشلىرى شېئىرى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان، تۆت توم) دا، دېھقانچىلىق ئىشلىرى (تېرىقچىلىق، باغ، چارۋا بېقىش، ھەسەل ھەرىسى بېقىش) شېئىر ئارقىلىق تەسۋىرلەنگەن؛ ئاپتورنىڭ دېھقانچىلىق بىلىمى مول بولۇپ، ئۇ شېئىرىدا ئوكتاۋىئۇسنى پانىي دۇنيادىكى ئىلاھ دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرى «ئائېنېد» (12 توم) تېخىمۇ رىۋايەت تۈسىنى ئالغان داستان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوكتاۋىئۇسنىڭ ئەجدادى ئىلاھلار شەجەرىسىگىچە ئەسلەپ ئۆتۈلگەن. مىلادىدىن 19 يىل ئىلگىرى يۇنانغا بېرىپ ساياھەت قىلغان ھەمدە ئاسىياغا بارماقچى بولغان. ئافىنادا ئاۋگۇستۇس شاھقا ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىتالىيىگە قايتقان (ئاسىيا سەپىرىدىن ۋاز كەچكەن). يولدا ئاغرىپ قېلىپ ۋاپات بولغان (برىندىس پورتىدا)، نېئاپولغا دەپنە قىلىنغان. ئېيتىلىشىچە، ۋېرگىل ئادەتتە سۆز-ئىبارىلەرگە ئېتىبار بەرمەيدىكەن، يۈرۈش-تۈرۈشى «سەھرالىقچە» ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرۇپ لەززەت بېرىدىغان ئەسەرلەر بولۇپ، رىم دەۋرى شېئىرىيىتىنىڭ پېشۋاسى دەپ قارىلىدۇ ھەمدە قەدىمكى زاماننىڭ ئاخىرقى دەۋرى مەسىلەن: دانتې ۋە يېقىنقى زامان شائىرلىرىغا خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن.

ۋېرگنىيائۇد

  • ۋېرگنىيائۇد[يەشمىسى:]»(Pierre Victunien Vergniaud، 1753 — 1793) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى كىروند مەزھىپى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. كاتتا سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بوردو ئالىي سوت مەھكىمىسىدە ئادۋوكات بولغان. 1791-يىلى قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. قاچقۇن ئاقسۆڭەكلەرگە ۋە قەسەمنى رەت قىلىش مەزھىپىدىكى مىسسىئونېرلارغا قارشى نۇتۇقلىرى بىلەن داڭق چىقارغان.1792-يىلى رولاند ۋە دېمورېز باشچىلىقىدىكى گىروندىچىلار كابىنېتىنى قۇرۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى قۇۋۋەتلىگەن. كېيىن قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلىنىپ، كورۇلنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ۋاقىتلىق توختىتىش پەرمانىنى چىقارغان. 1793-يىلى 1-ئايدا، مىللىي ئۇيۇشمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، مىللىي ئۇيۇشما نامىدىن لۇئى ⅩⅥ نى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. لېكىن پارىژ خەلقىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن قورقۇپ، پارىژ كوممۇنىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئىنقىلابىي سوت قۇرۇشقا قارشى تۇرغان. 1793-يىلى 10-ئايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

ۋىرمورېل

  • ۋىرمورېل[يەشمىسى:]»(Jean - -Auguste MarieV ermorel، 1841 — 1871) فرانسىيىلىك مۇخبىر ۋە ئەدىب، 1871-يىلقى پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى. سولچىل پرودونىزمچى. «فرانسىيە ئەلچى گېزىتى» ۋە «ئىسلاھات گېزىتى» دە تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، ئىككىنچى ئىمپېرىيىگە قارشى كۈرەشكە ئاكتىپ قاتناشقان. 1870-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى ۋە 1871-يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى قوزغىلاڭلارغا قاتناشقان. 1871-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى قوزغىلاڭدىن كېيىن، كوممۇنا ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلانغان. كېيىن ئەدلىيە ئىشلىرى ھەيئەت ئەزاسى، كوممۇنا ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئامانلىق ساقلاش كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولغان. «ئادالەت گېزىتى» ۋە «خەلق دوستى گېزىتى» لىرىنى نەشىر قىلغان. «ماي قانلىق ھەپتىسى» كۈرىشىدە ئېغىر يارىلىنىپ قولغا چۈشكەندىن كېيىن، ۋېرسال تۈرمىسىدە قازا قىلغان. «1848-يىلىدىكى پائالىيەتچىلەر»، «1851-يىلىدىكى پائالىيەتچىلەر»، «سوتسىيالىستلار پارتىيىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «مارات ئەسەرلىرى» نى يىغىپ، ئىزاھلاپ نەشىر قىلغان.

ۋېرنېر

  • ۋېرنېر[يەشمىسى:]» (Alfred Werner، 1866 — 1919). شۋېتسارىيىلىك خىمىك. فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇلۇزى شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1890-يىلى سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتور بولغان. فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە خىزمەت قىلغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، 1890-يىلدىن باشلاپ ئۇزاق مۇددەت سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1890 — 1893-يىللاردا ئۈچ پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، كومپلېكس بىرىكمىلەرنىڭ كوئوردىنات سانى نەزەرىيىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، نۇرغۇنلىغان ئىزومېر جىسىملارنى تاپقان. كېيىن يەنە مۇتلەق كۆپ ساندىكى كومپلېكس بىرىكمىلەر سەككىز يۈزلۈك ماس تۈزۈلمىگە مەنسۇپ بولىدۇ، دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ كۆز قاراش نىئورگانىك خىمىيىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسى بولۇپ قالغان. 1913-يىلى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «ستېرېئولۇق خىمىيە كۇرسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ۋېرونا يىغىنى

  • ۋېرونا يىغىنى[يەشمىسى:]» مۇقەددەس ئىتتىپاق قۇرۇلغاندىن كېيىنكى 4-قېتىملىق يىغىن. 1822-يىل 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە ئىتالىيىنىڭ ۋېرونا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئىتالىيىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كورۇللىرى قاتناشقان. يىغىندا روسىيە، پرۇسسىيە ۋە ئاۋسترىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئەنگلىيىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، فرانسىيىگە مۇقەددەس ئىتتىپاقنىڭ نامىدا ئىسپانىيىگە ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلىرىگە قوراللىق مۇداخىلە قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەن. يىغىن ئاۋسترىيىنىڭ نېئاپول پادىشاھلىقى ۋە ساردىنىيە پادىشاھلىقىدىكى ھەربىي ئىشغالىيىتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلغان، گرېتسىيە خەلقىنىڭ تۈركىيىگە قارشى كۈرىشىنى قوللاشنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلغان. يىغىن ئاخىرلاشقاندا چىقىرىلغان روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە ئۈچ دۆلەت ئېلانىدا، مۇقەددەس ئىتتىپاق ھەرقانداق ئەل خەلقلىرىنىڭ ئىنقىلابىنى باستۇرۇشقا ھوقۇقلۇق، دەپ تەكىتلىگەن. يىغىن ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان زىددىيەتلەرنى ئاشكارىلىغان، مۇقەددەس ئىتتىپاق شۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق دىپلوماتىك يىغىنلارنى قايتا ئاچالمىغان.

ۋېرېسايېۋ

  • ۋېرېسايېۋ[يەشمىسى:]»(Викентий Викентревич Вересаев، 1867 — 1945) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق يازغۇچى. دوختۇر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئىلگىرى-كېيىن پېتېربۇرگ داشۆسىنىڭ ئەدەبىيات-تارىخ فاكۇلتېتىنى ۋە دېرېت داشۆسىنىڭ تىببىي فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. دەسلەپكى مەزگىلدىكى «مېڭىشقا يول يوق» ۋە «ئۆزگەرمەكتە» دېگەن ھېكايىلىرىدە نارودنىكلار ھەرىكىتىنىڭ كرىزىسى ۋە روسىيىنىڭ 1905-يىلدىكى ئىنقىلاب ھارپىسىدىكى جەمئىيەت ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «لىزار» ۋە «ماماتلىق يولىدا» ناملىق ھېكايىلىرىدە دېھقانلار ۋە ئىشچىلارنىڭ پاجىئەلىك سەرگۈزەشتلىرى تەسۋىرلەنگەن. «دوختۇرنىڭ خاتىرىسى» دە ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى ياش دوختۇرنىڭ قىيىن ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن. «تۇيۇق يول»ۋە«ئاچا-سىڭىل»ناملىق رومانلىرىدا ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى زىيالىيلارنىڭ ئىنقىلابىي يولغا مېڭىش ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا قاتنىشىش جەريانى بايان قىلىنغان. دوستويېۋىسكىي ۋە تولستوي ھەققىدىكى ئەسەرلەرنى شۇنىڭدەك «پوشكىننىڭ ھاياتى» دېگەن تەرجىمىھالنىمۇ شۇ يازغان.

ۋېر سىگېپتورىكس

  • ۋېر سىگېپتورىكس[يەشمىسى:]»(Vercingetorix، مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ — 46) گاللى (گېلتا) لارنىڭ رىمغا قارشى قوزغىلىڭىنىڭ داھىيسى. ئارۋېرنى (Arverni) ئۇرۇقىنىڭ ئاقساقىلى. رىمنىڭ باش قوماندانى كائېسار گاللىيە (ھازىرقى فرانسىيە، بىلگىيىدە) نى بويسۇندۇرغان مەزگىلدە، مىلادىدىن 52 يىل ئىلگىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، رىمنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنىنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتقان ۋە نۇرغۇن جايلارنى قايتۇرۇۋالغان، كائېسار پۈتۈن كۈچىنى قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇشقا قاراتقان ھەمدە گېرمان ئاتلىق ئەسكەرلەر ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئالېسىيە (Alesia، سېنا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا جايلاشقان) نى قورشىۋالغان. قوزغىلاڭچىلار مۇھاسىرىدىن قۇتۇلۇشقا ئۈمىدى ئۈزۈلگەن چاغدا، تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ ئەسىرگە ئېلىنىىپ رىمغا ئەۋەتىلگەن، كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن.

ۋېسپا سىيانوس

  • ۋېسپا سىيانوس[يەشمىسى:]»(Titus Flavius Vespasianos، 7 — 79) قەدىمكى رىم ئىمپېراتورى (69 — 79)، فلاۋىئۇس خانلىقىنىڭ (69 — 96) قۇرغۇچىسى. رىئات (Reate، رىم شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدا) تىكى بىر باجگىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلىدە پادىشاھ نېرونىڭ ھەربىي قوماندانى بولۇپ، پەلەستىن يەھۇدىيلىرى رىمغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە بۇيرۇققا بىنائەن باستۇرۇشقا بارغان (67). نېرو ئۆلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شەرقتىكى مەمۇرىي ئۆلكىلەردىكى ھەرقايسى ھەربىي گۇرۇھلارنىڭ يۆلىشى، سىناتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئىمپېراتورلۇققا بەلگىلەنگەن؛ رىمغا قايتقاندا ئېرۇسالىمغا داۋاملىق قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئوغلى تىتوسنى قالدۇرغان. ئۇ جايلاردىكى قارشىلىقلارنى تىنچىتىپ، ھەربىي ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن. سىناتنى ئۇنىڭغا كەڭ دائىرىدە ھوقۇق بېرىش توغرىسىدا قانۇن ماقۇللاشقا مەجبۇرلىغان. ئىسپانىيە قاتارلىق مەمۇرىي ئۆلكىلەرنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنى سىناتقا قاتناشتۇرغان ھەمدە مەمۇرىي ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم شەھەر بايلىرىغا رىم گراژدانلىق ھوقۇقىنى بەرگەن. مالىيىدىن قىسىلغاندا، باج مەنبەلىرىنى كېڭەيتكەن. دۆلەت تەرىپىدىن يۇنان ۋە لاتىن ستىلىستىكا مەكتىپى ئاچقان. كاپتولىن ئىبادەتخانىسىنى قايتا ياساتقان. رىمدىكى كولوسكۇم گلادىئاتورلار ستادىئونىنى ياساتقان ھەمدە مەمۇرىي ئۆلكىلەردە شەھەر ۋە يوللارنى ياساتقان، تىتۇسنىڭ يەھۇدىيلارنى يەڭگەنلىكىگە ئاتاپ ياساتقان زەپەر دەرۋازىسى تېخىچە ساقلانماقتا.

ۋېستا

  • ۋېستا[يەشمىسى:]» (Vesta) قەدىمكى رىملىقلارنىڭ مۇقەددەس ئوت مەبۇدىسى. يىراق قەدىمكى زاماندا ئىتاليانلار، بولۇپمۇ لاتىنلار چوقۇنغان. رىمنىڭ ھەرقايسى ئائىلىلىرىدە ۋېستا (جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى «ئوچاق ئىلاھى» غا ئوخشىشىپ كېتىدۇ) غا نەزىر-چىراق قىلىنىپ، ئۇنىڭ مەدەت بېرىشىنى تىلىگەن؛ دۆلەت ۋېستاغا نەزىر-چىراق ئىبادەتخانىسىنى سالدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۆچمەيدىغان مۇقەددەس ئوت يېنىپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. مەخسۇس مۇقەددەس ئوتنى ساقلايدىغان كاھىنىلار (4 — 6 نەپەر) بولۇپ، ئاتاقلىق ئائىلىلەردىن تاللىنىپ، 30 يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە ئىپپىتىنى ساقلاشقا قەسەمياد قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا خىلاپ قىلمىشى كۆرۈلسە، تىرىك كۆمۈش جازاسىغا ئۇچرايدۇ. «ئىپپەتلىك كاھىنە» رىمدا چوڭقۇر ھۈرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، كونسۇل ئۇچرىشىپ قالغاندا ئۇلارغا يول بوشىتىپ بېرىدۇ. پۈتكۈل رىم ئاياللىرى ئىچىدە پەقەت شۇلارلامال-مۈلۈكنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ۋېستا قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى تەڭرىچە ھېستىيەگە ئوخشاش بولۇپ، كېيىنكىسىمۇ مۇقەددەس ئوتنى سىمۋول قىلغان؛ قەدىمكى يۇنانلىقلار يېڭى جايغا كۆچۈپ بارسا، ئانا ئېلىدىن مۇقەددەس ئوتنى بىللە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەتنى ئىپادىلىگەن.

ۋېستىمىنىستېر چېركاۋى

  • ۋېستىمىنىستېر چېركاۋى[يەشمىسى:]» ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىكى مەشھۇر خرىستىئان دىنى پروتېستانت چېركاۋى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، تەخمىنەن مىلادى 605-يىلى شەرقىي ساكسونىيە كورۇلى سېبېرت (Sebert) لوندون شەھىرىنىڭ غەربىدە سالدۇرغاچقا غەربىي چېركاۋ (Westminster، «ۋېستمىنىستېر» دېگەن سۆز ئەنە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان) دەپ ئاتالغان. كېيىن ئۇزاق ۋاقىت ياساقسىز قالغان. تەخمىنەن 1065-يىلى ئەنگلىيە كورۇلى ئېدۋارد (توۋا قىلغۇچى) ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىدىن رىم ئۇسلۇبىدا چېركاۋ سالدۇرغان. 1245-يىلى ھېنرىⅢ گوتچە شەكىلگە ئۆزگەرتىپ چېركاۋ سالدۇرغان (ئوتتۇرا قەسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ). كېيىن چېركاۋ كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغان ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇلغان. پۈتكۈل چېركاۋنىڭ ئىگىلىگەن يېرى 3700 كۋادرات مېتر، ئېگىزلىكى 31 مېتر كېلىدۇ. ۋىللىيام (ئىستېلاچى) دىن باشلاپ، تارىختا ئۆتكەن كورۇللار (ئېدۋارد Ⅴ، ئېدۋارد Ⅵ دىن باشقىلار) مۇشۇ چېركاۋدا تاج كىيگۈزۈلگەن؛ كورۇللارغا (گېئورگىيⅡ گىچە)، خانىكە ۋە داڭلىق كىشىلەر ئۆلگەندە ھەممىسىلا مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.

ۋېستىمىنىستېر قانۇنى

  • ۋېستىمىنىستېر قانۇنى[يەشمىسى:]» ئەنگلىيە پارلامېنتى 1931-يىلى تۈزگەن ئەنگلىيە ئىتتىپاقى ئاساسىي نىزامى. بۇنىڭدا: ئاق تەنلىكلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى دومىنىئونلاردىن كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقى، ئېرلاندىيە جۇمھۇرىيىتى شۇنىڭدەك نېۋفوندلاند قاتارلىقلار بېرىتانىيە بىلەن قوشۇلۇپ ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ دومىنىئونلار «مۇستەقىل ۋە باراۋەرلىككە ئىگە» ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت بولۇپ، بىردەك ئەنگلىيە كورۇلىنى دۆلەت باشلىقى ھېسابلايدۇ؛ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت پارلامېنتى بىلەن ئىمپېرىيە پارلامېنتى تەڭ باراۋەر بولۇپ، ئىمپېرىيە قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ تەلىپى ۋە ماقۇللۇقى بولماي تۇرۇپ ئىمپېرىيە پارلامېنتى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتكە قانۇن بېكىتىپ بېرىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت دىپلوماتىيە ئىشىغا ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، نېۋفوندلاندتىن باشقىلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئىتتىپاق ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دىپلوماتىيە ئۆمەكلىرى بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

ۋېستىمىنىستېر نىزامى

  • ۋېستىمىنىستېر نىزامى[يەشمىسى:]» ئەنگلىيە كورۇلى ئېدۋاردⅠ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە پارلامېنتنىڭ ۋېستىمىنىستېردا ماقۇللىغان نىزامى. بۇ نىزام جەمئىي ئۈچ: 1275-يىلدىكى نىزام، قەدىمىي فرانسۇز تىلىدا يېزىلغان، جەمئىي 51 ماددا بولۇپ، ھەق-تەلەپ جىنايى ئىشلار ۋە ئەدلىيە تەرتىپى قاتارلىق جەھەتلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ، بولۇپمۇ زاسىداتېللارنىڭ رولى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. چوڭ فېئوداللارنىڭ سىياسىي تەسىرىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان. 1285-يىلدىكى نىزام لاتىن تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، جەمئىي 51 ماددا. بۇنىڭدا يەر ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس بولۇپ قالىدۇ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ؛ فېئوداللارنىڭ جامائەت يەرلىرىنى قورشاپ ئىگىلىشىگە يول قويۇلىدۇ؛ خان جەمەتى سوتى يەرلىك ئورۇنلارنىڭ سوت قىلىش ئىشلىرىغا سودىيە ئەۋەتەلەيدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. 1290-يىلدىكى نىزام، لاتىن تىلىدا يېزىلغان. بۇنىڭدا فېئوداللارنىڭ ئىگىلىگەن يېرىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئەركىن ھالدا باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ، لېكىن يېڭى خوجايىنلار ئەسلىدىكى فېئوداللىق مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن.

ۋېزۇۋېي

  • ۋېزۇۋېي[يەشمىسى:]»(Vesuvius) يەنى ۋېزۇۋېي يانار تېغى. ئىتالىيىنىڭ كامپانىيە رايونىدا، نېئاپولنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە 10 كىلومېتر يىراقلىقتا بولۇپ، مىلادىدىن 73 يىل ئىلگىرى، سپارتاك قوزغىلىڭىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مۇشۇ تاغنى بازا قىلغان. مىلادى79-يىلى رىم كالېندارى بويىچە 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئىمپېراتور تىتۇس ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، يانار تاغ تۇنجى قېتىم پارتلاپ، يېقىن ئەتراپتىكى پومپېئىي، ھېركۇلان قاتارلىق شەھەرلەر ماگما-لاۋا ئاستىدا قالغان. ⅩⅧ ئەسىردە ئارخېئولوگلار ئۇلارنىڭ خارابىلىرىنى قېزىشنى باشلاپ، نۇرغۇنلىغان قاچا-قۇچىلار، قورال-سايمانلار ۋە سەنئەت بۇيۇملىرىنى تاپقان، بۇ نەرسىلەر رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ تاغ ھازىر ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىكى ئاتاقلىق ئۆچمىگەن يانار تاغ بولۇپ، ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن 1280 مېتر كېلىدۇ.

ۋېفلامىنىيە چوڭ يولى

  • ۋېفلامىنىيە چوڭ يولى[يەشمىسى:]» «رىم يوللىرى (2)» غا قاراڭ.

ۋېگا

  • ۋېگا[يەشمىسى:]» (1) لوپې فېلىكس دې ۋېگاكارپىئو (Lope Felix de Vega Carpio،1562— 1635)، ئىسپانىيىلىك دراماتورگ. دېھقاندىن كېلىپ چىققان. 1588-يىلى ئىسپانىيە «يېڭىلمەس فلوت» ىنىڭ ئەنگلىيىگە قىلغان يۈرۈشىگە ئەسكەر سۈپىتىدە قاتناشقان. كېيىن چېركاۋدا خىزمەت قىلغان. پۈتۈن ئۆمرىدە 1800 پارچە كومېدىيە، 400 پارچە بىر پەردىلىك دراما ئىجاد قىلغان، ئەمما ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلگىنى تەخمىنەن 500 پارچىغا يېتىدۇ. ئۇ ئىسپانىيە مىللىي تىياتىرىغا ئاساس سالغۇچى كىشىدۇر. داڭلىق درامىسى «قوي بۇلىقى كەنتى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يەنە ھېكايە ۋە شېئىرلارنى يازغان. ۋېگانىڭ ئەسەرلىرى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيىسىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما فېئوداللىق، كاتولىك دىنىي ئەنئەنىلىرىدىن ئادا-جۇدا بولمىغان. (2) «گارتىسلاسو دې لا ۋېگا».

ۋېلاۋسكو ئىباررا

  • ۋېلاۋسكو ئىباررا[يەشمىسى:]» (Jose Marfa Velasco Ibarra، 1893 — 1979) ئېكۋادور زۇڭتۇڭى (1934 — 1935، 1944 — 1947، 1952 — 1956، 1960 — 1961، 1968 — 1972). تۇنجى قېتىم زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلىدە، ئىچكى ئىقتىسادىي مەسىلىنى ھەل قىلالمىغانلىقتىن، ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1944-يىلى 5-ئايدا، ئارمىيىنىڭ قوللىشى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، 1946-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننى تۈزۈپ چىقىپ، تاشيول ۋە مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. قاتتىق سېنىزورنى يولغا قويغان. 1947-يىلى 8-ئايدا ھەربىيلەر سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئاغدۇرۇلۇپ، دۆلەت چېگرىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1952-يىلى 6-ئايدا مۇستەقىل لىبېراللار پارتىيىسى ئەزاسى سۈپىتىدە زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق شەرتنامىسى تۈزگەن ھەمدە 200 دېڭىز مىلى دېڭىز تەۋەلىكى ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغان. 1960-يىلى يەنە بىر قېتىم سايلىنىپ، ئىقتىسادىي ئىسلاھات پىلانىنى جاكارلىغان، چارە-تەدبىرى قاتتىق بولغانلىقتىن، پارلامېنت بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، ئىككىنچى يىلى ھەربىيلەر كومىتېتى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. 1968-يىلى يەنە زۇڭتۇڭ بولۇپ، ئېغىر ئىقتىسادىي مەسىلە ۋە سىياسىي قالايمىقانچىلىققا دۈچ كېلىپ، ھەل قىلالمىغانلىقتىن، 1972-يىلى 2-ئايدا ھەربىيلەر تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم سۈرگۈن قىلىنغان. 1979-يىلى 2-ئايدا ئارگېنتىنادىن دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ، 3-ئايدا كىتودا قازا قىلغان.

ۋېلسېر جەمەتى

  • ۋېلسېر جەمەتى[يەشمىسى:]»(ⅩⅥ—ⅩⅤ ئەسىرلەردىكى گېرمانىيىدە سودا-سانائەت ۋە جازانىخورلۇق بىلەن بېيىغان جەمەت بولۇپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئاۋگىسبۇرگتا ئولتۇراقلاشقان. مەبلەغ ۋە مال-مۈلكى فۇگگېر جەمەتىدىن قالسىلا، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. نەسەپداش بارتولمايۇس ۋېلسېرا (Bartholomaus Welser، 1488 — 1561) سودا، بانكا ۋە كان ئېچىش (بولۇپمۇ تىلور كۈمۈش كانى) بىلەن كەڭ شۇغۇللانغان، ئۇنىڭ سودا پونكىتلىرى نيۇرىنبېرگ، گدانسك، سيۇرىخ، بېرنې، مىلان، رىيانا، ۋېنسۇئېلا، رىم، ئانتۋېرپېن، لىئان، لىسسابون، سېۋىللې قاتارلىق جايلارغا كەڭ تارقالغان؛ ئۇ يەنە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ھابىسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ كورۇلى چارلېس Ⅴ گە قەرز پۇل بەرگەن، ئالماشتۇرۇش شەرتى سۈپىتىدە، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ۋېلسېر جەمەتىنىڭ ۋېنسۇئېلادا مۇستەملىكىچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قوشۇلغان. بۇ جەمەت باشقۇرغان سودا-سانائەتتە، كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى بىرقەدەر بالدۇر پەيدا بولغان. 1556-يىلى ۋېنسۇئېلادىكى تەۋەككۈلچىلىك ئىشلىرى مەغلۇپ بولغان، ھابىسبۇرگ سۇلالىسىمۇ قەرز پۇلنى قايتۇرۇپ بېرەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن، 1614-يىلى سۇنغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان.

ۋېلف جەمەتى

  • ۋېلف جەمەتى[يەشمىسى:]»گېرمانىيىدىكى فېئودال جەمەت. 1070-يىلى مەزكۇر جەمەتتىكى ۋېلف Ⅳ (WelfⅣ، ؟ — 1101) مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅳ تەرىپىدىن باۋارىيە كىنەزلىكىگە ئىگە بولغان. ۋېلفنىڭ نەۋرىسى ھېنرى (مەنمەنچى) كورۇل لوتار Ⅱ (ئەسلى ساكسونىيە كىنەزى) نىڭ قىزى بىلەن توي قىلغان. لوتار ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسى بولمىغانلىقتىن ھېنرى 1137-يىلى ساكسونىيە كىنەزلىكىگە كىنەز بولۇپ، پادىشاھلىق تەختىگە كۆز تىككەن. گېرمانىيىدىكى بەگ-كىنەزلەر ھېنرىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن قورقۇپ، خوخېنىستاۋفېن جەمەتىدىكى كونرادنى كورۇل قىلىپ سايلىغان (1138-يىلى تەختكە چىققان). 1180-يىلى فرېدرېخⅠ (قىزىل ساقاللىق) ھېنرى (ھاكاۋۇر) نىڭ ئوغلى ھېنرى (شىر) نىڭ زېمىنىنى تارتىۋالغان ھەمدە ئۇنى گېرمانىيىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن. 1198-يىلى ھېنرى (شىر) نىڭ ئوغلى ئوتتو پاپانىڭ قوللىشى بىلەن پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋېلىپ، ئوتتو Ⅳ دەپ ئاتالغان.

ۋېللېسلېي

  • ۋېللېسلېي[يەشمىسى:]»(Richard Colley Wellesley، 1760 — 1842) ئەنگلىيىلىك مۇستەملىكىچى، ھىندىستاننىڭ باش ۋالىيسى (1798 — 1805) ۋېللىڭتوننىڭ ئاكىسى. ئىرلاندىيىنىڭ پايتەختى دوبلىندىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1784-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1786-يىلى مالىيە ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. باش ۋالىي بولغان مەزگىللىرىدە ھىندىستان شتاتلىرىنى «قوشۇمچە فوند شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلىغان. ئۈزلۈكسىز تۈردە مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشى قوزغاپ، مىسور دۆلىتىنى بويسۇندۇرغان (1799)، ماراتانىڭ خان-بەگلىرىنى ئوتتۇرا ھىندىستاننىڭ چوڭ بىر پارچە يېرىنى كېسىپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ، كارناتىك قاتارلىق شتاتلارنى يۇتۇۋېلىپ، فرانسىيىنىڭ ھىندىستاندىكى كۈچلىرىنى چەتكە قېقىپ، ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تۇرغۇزغان. 1799-يىلى ماركىز بولغان. كېيىن ئەنگلىيىنىڭ ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى (1808)، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1809 — 1820)، ئىرلاندىيىنىڭ باش ۋالىيسى(1821— 1828، 1833 — 1834) ۋە ئوردا ۋەزىرى (1835) قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغان.

ۋېللىس

  • ۋېللىس[يەشمىسى:]»(Herbert George Wells، 1866 — 1946) ئەنگلىيىلىك ئەدىب ۋە تارىخشۇناس. ئۇششاق سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. شاگىرت، پوچتاليون ۋە مۇئەللىم بولۇپ ئىشلىگەن. فابىئانچىلارغا قاتنىشىپ، ئىسلاھاتچىلىقنى تەشەببۇس قىلغان. دەسلەپكى چاغلاردا ئىلمىي فانتازىيىلىك ھېكايە «ۋاقىت ماشىنىسى»، «دوكتور مولو ئارىلى» ۋە «كۆرۈنمەس ئادەم» قاتارلىقلارنى يېزىپ، ئاجايىپ ۋەقەلەر ۋە مۇبالىغە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى رەزىل ھادىسىلەرنى مەسخىرە قىلىپ، پەن-تېخنىكا كۈچىگە تايىنىپ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىنكى چاغلاردا ئېلان قىلغان «باخمۇ ئەپەندىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتى»، «كەلگۈسى شەيئىلەرنىڭ قىياپىتى» ناملىق رومانلاردا ئاپتورنىڭ ئەينى چاغدىكى فاشىستىك كۈچلەرنىڭ كۈندىن-كۈنگە غالجىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا بولغان قايغۇ-ئەندىشىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، «مۇھەببەت ۋە لوۋچىن ئەپەندى»، «تونا باڭكەي» ۋە «پوۋرى ئەپەندىنىڭ تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى ساختىلىق شۇنىڭدەك نامۇۋاپىق مائارىپ تۈزۈمى ئېچىپ تاشلانغان. تارىخشۇناسلىق جەھەتتە «دۇنيا تارىخىدىن بايان» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ۋېللىڭتون

  • ۋېللىڭتون[يەشمىسى:]» (Arthur Wellesley Wellington، 1769 — 1852) ئەنگلىيىنىڭ ھەربىي قوماندانى،باش ۋەزىرى (1828 — 1830).ۋېللىڭتوننىڭ تۇنجى گېرتسوگى، «تۆمۈر گېرتسوگ» دەپ ئاتالغان. ئىرلاندىيىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى يىللىرى ئېتون مەكتىپىدە ئوقۇغان، كېيىن فرانسىيىگە بېرىپ ھەربىي ئىشلارنى ئۆگەنگەن. 1787-يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1796-يىلى ھىندىستانغا بېرىپ، ئاكىسى، باش ۋالىي ۋېللېسلېينىڭ ھىندىستاننى ئىستېلا قىلىش ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ياردەملەشكەن. 1805-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. 1808-يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ فرانسىيىگە قارشى قوزغىلاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن پورتۇگالىيىگە بارغان. 1908-يىلدىن باشلاپ فرانسىيە ئارمىيىسى بىلەن قىلغان ئۇرۇشلاردا بىرقانچە قېتىم غەلىبە قىلغان. 1814-يىلى ۋېللىڭتون گېرتسوگى دەپ نام بېرىلگەن. 1814-يىلى فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى ۋە ۋېنا يىغىنىدىكى ئەنگلىيە ۋەكىلى بولغان. 1815-يىلى ناپولېئون 100 كۈنلۈك سۇلالە قۇرغاندا، فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيىگە باشچىلىق قىلىپ، ۋاتېرلوئو جېڭىدە فرانسىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ناپولېئوننى يەنە بىر قېتىم تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلغان. كېيىن ئەنگلىيىگە ۋەكىل بولۇپ مۇقەددەس ئىتتىپاقنىڭ ھەر قېتىمقى يىغىنلىرىغا قاتناشقان ھەمدە ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان (1827 — 1852). كېيىن باش ۋەزىر، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1834 — 1835)، بەلگىسىز مىنىستىرلىكىنىڭ ۋەزىرى (1841 — 1846)بولغان. سىياسىي جەھەتتە ئىنتايىن مۇتەئەسسىپ بولۇپ، «ئىسلاھات قانۇن لايىھىسى» گە قارشى چىققان، شۇنىڭدەك 1848-يىلدىكى ئاساسىي نىزامچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرغان.

ۋېلىسېر جەمەتى

  • ۋېلىسېر جەمەتى[يەشمىسى:]»يەنى: «ۋىلىزېر جەمەتى 维尔泽家族».

ۋېلىيىچىلەر

  • ۋېلىيىچىلەر[يەشمىسى:]» قەدىمكى يۇناننىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئىدېئالىستىك پەلسەپە ئېقىمى. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ - Ⅵ ئەسىرلەردە مەيدانغا كەلگەن ۋە پائالىيەت ئېلىپ بارغان، جەنۇبىي ئىتالىيىنىڭ لوككانىيە دېڭىز ياقىسىدىكى يۇنان مۇستەملىكە شەھىرى ۋېلىيە (Elea ياكى Velia) نى مەركەز قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كولوپون (Colophon، كىچىك ئاسىيادا) دىن كەلگەن شېنوپانېس مۇشۇ گۇرۇھنىڭ ئاساسچىسىكەن (باشقىچە گەپمۇ بار). ئادەتتە پارمېنىدېس ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى زېنو بۇ گۇرۇھنىڭ ۋەكىلى دەپ قارىلىدۇ؛ پارمېنىدېسنىڭ يەنە بىر شاگىرتى ساموسلۇق مېلىسسوس (Melissos، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا) بۇ ئېقىمنىڭ تەلىماتىنى راۋاجلاندۇرغان. ئۇلار مىلېتۇسچىلار (تالېس قاتارلىقلار) ۋە ئېپسوستىكى ھېراكلىتنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە، ئالەمنىڭ مەنبەسى (ئاساسىي ئامىلى) ماددىي نەرسە ئەمەس، بەلكى ئابستراكت «مەۋجۇدىيەت» (Being) دەپ قارىغان. پارمېنىدېس «مەۋجۇدىيەت» پەيدا بولمايدۇ، يوقالمايدۇ، ئۇنىڭ بېشىمۇ، ئاخىرىمۇ يوق، مۇتلەق جىمجىت تۇرىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان؛ تەپەككۇر بىلەن مەۋجۇدىيەتنىڭ ئوخشاشلىقى قائىدىسىنى، يەنى پىكىر قىلىدىغان نەرسە بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان نەرسە بىر ئىش (پىكىر قىلمايدىغىنى مەۋجۇدىيەت بولمايدۇ) دېگەن قائىدىنى ئوتتۇرىغا قويغان. زېنو پارمېنىدېسنىڭ «مەۋجۇدىيەت نەزەرىيىسى» نى ئاقلاش ئۈچۈن، «ئاكىللېسنىڭ تاشپاقىغا يېتىشەلمەسلىكى» ۋە «ئۇچار ئوقنىڭ قىمىرلىماسلىقى» قاتارلىق قائىدىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنىڭ بىلەن بارلىق ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئىنكار قىلغان. ئۇلار، ئوبيېكتىپ دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەر تەسەۋۋۇر، كىشىلەر ھېس قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەر بولسا خاتا تەسىراتتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ ھۆكۈم قىلغان، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سەزگۈ ئەزالارنىڭ سەزگىنى چىن نەرسە ئەمەس، پەقەت تەپەككۇرلا چىندۇر، دەپ قارىغان. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ گۇرۇھنىڭ ئىدىيىسىدە يەنىلا ئوبيېكتىپ جەھەتتە پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىجابىي ئامىللار بار: تەپەككۇر بىلەن ئۇقۇمنىڭ ھەرىكىتى ۋە تەپەككۇر بىلەن ھېسسىي مەۋجۇدىيەتنىڭ قارىمۇقارشىلىقى ئىچىدە دىئالېكتىكا ئامىلى ساقلانغان؛ ئۇ سەزگۈ ئەزالارغا ئىشەنمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئاتوم نەزەرىيىسى تەرەپدارلىرىنىڭ سەزگۈ ئەزالار سېزەلمەيدىغان نەرسىلەر ئىچىدىن مەۋجۇدىيەتنى ئىزدىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ ئۇ ئاساسىي چىنلىقنىڭ يەككە بىرلىكىنى ئىزدىنىپ، پەيلاسوپلارنىڭ ماھىيەتنى تاسادىپىيلىقتىن ئايرىپ قارىشىغا ياردەم بەرگەن. ۋېلىيچىلەرنىڭ «مەۋجۇدىيەت نەزەرىيىسى» نى كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئەپلاتوننىڭ «چۈشەنچە نەزەرىيىسى» گە، شۇنىڭدەك باشقا ئىدېئالىزم ۋە مېتافىزىكىغا مەلۇم تەسىر كۆرسەتكەن.

ۋېنا ئىتتىپاقى شەرتنامىسى

  • ۋېنا ئىتتىپاقى شەرتنامىسى[يەشمىسى:]» (1) روسىيە، ئاۋسترىيە ۋە ۋېنېتسىيىلەرنىڭ تۈركىيە بىلەن تاتارلارغا قارشى ئىتتىپاق شەرتنامىسى. 1697-يىل 2-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋېنادا ئىمزالانغان، مۇددىتى ئۈچ يىل. ئۇنىڭدا شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇشى، ھەربىي پىلانىدىن بىر-بىرىنى خەۋەردار قىلىشى ھەمدە ئۆز ئالدىغا سۈلھ قىلماسلىقى بەلگىلەنگەن. بۇ شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى روسىيىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەن. (2) قىرىم ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئاۋسترىيىلەرنىڭ روسىيىگە قارشى 1854-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋېنادا ئىمزالىغان شەرتنامىسى. ئاۋسترىيە دۇناي دەريا ۋادىسىدىكى ئىككى كىنەزلىككە چىشىنى بىلەپ تۇرغانلىقى ۋە ناپولېئون Ⅲ نىڭ ئىتالىيىگە چاڭ سېلىشىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى بىتەرەپلىك مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، روسىيىگە قارشى تۇرغان. شەرتنامىدە ئاۋسترىيىنىڭ مولدوۋا ۋە ۋالاخىيە كىنەزلىكلىرىنى قوغداشقا مەسئۇل بولۇشى، شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەرنىڭ روسىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا سۈلھ قىلماسلىقى، ئاۋسترىيە بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن چاغدا، ئۈچ دۆلەتنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھۇجۇم-مۇداپىئە ئىتتىپاقى قۇرىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. شەرتنامىگە قوشۇمچە قىلىنغان ئالاھىدە ماددىلار يەنە پرۇسسىيىنىڭ بۇ شەرتنامىگە قاتنىشىشىنى مۇمكىنچىلىك بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ شەرتنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيە روسىيىگە قاراتقان دىپلوماتىك بېسىمنى كۈچەيتكەن.

ۋېنا شەرتنامىسى

  • ۋېنا شەرتنامىسى[يەشمىسى:]» ۋېنا يىغىنى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئاۋسترىيىلەر 1815-يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىمزالىغان روسىيە بىلەن پرۇسسىيىگە قارشى مەخپىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى. مەقسىتى روسىيىنىڭ پولشاغا ئىگە بولۇشىنى، پرۇسسىيىنىڭ ساكسونىيىگە ئىگە بولۇشىنى توسۇشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا يەنە شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەرنىڭ بىرەرى تەھدىت ياكى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان چاغدا، قالغان ئىككى دۆلەت دەرھال ئارىلىشىدۇ ھەمدە 150 مىڭ كىشىلىك ھەربىي ياردەم بېرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. باۋارىيە، ھاننوۋېر، نىدېرلاند قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ كەينى-كەينىدىن بۇ ئىتتىپاققا قاتناشقان.

ۋېنا فرانكا كېلىشىمى

  • ۋېنا فرانكا كېلىشىمى[يەشمىسى:]» فرانسىيە بىلەن ئاۋسترىيە 1859-يىلى تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى ئىتالىيىنىڭ مىللىي بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدە، فرانسىيە 1859-يىلى ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. ئەمما ئىتالىيىنىڭ مىللىي بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىۋاتقان شارائىتتا، فرانسىيە ئىتالىيە خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە خائىنلىق قىلىپ، شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ۋېنا فرانكىدا ئاۋسترىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. كېلىشىمدە ئاۋسترىيىنىڭ لومباردىيىنى فرانسىيىگە كېسىپ بېرىدىغانلىقى، ئاندىن كېيىن فرانسىيىنىڭ ئۇنى ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا «ھەدىيە» قىلىدىغانلىقى؛ ۋېنېتسىيىنىڭ يەنىلا ئاۋسترىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولىدىغانلىقى؛ خەلق ئىنقىلابى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان توسكانا، پارما، مودېنا، روماننا قاتارلىق دۆلەتلەر پادىشاھلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئىتالىيىدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. بۇ كېلىشىم ئىتالىيىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان.

ۋېنا ئىنتېرناتسىئونالى

  • ۋېنا ئىنتېرناتسىئونالى[يەشمىسى:]» يەنى «سوتسىيالىستلار پارتىيىسى خەلقئارا ئىشچىلار بىرلەشمىسى».

ۋېنا يىغىنى

  • ۋېنا يىغىنى[يەشمىسى:]»ناپولېئون ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن ئېچىلغان خەلقئارا يىغىن. 1814-يىلى 10-ئايدىن1815-يىلى 6-ئايغىچە ۋېنادا ئېچىلغان. يىغىنغا ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن 216 نەپەر ۋەكىل قاتناشقان. يىغىننى ئەنگلىيە، روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، پولشا ۋە ساكسونىيە مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا كەسكىن كۈرەش ئېلىپ بارغان، فرانسىيە ۋەكىلى تاللېيراند ئۆز دۆلىتىنىڭ پايدىسىنى كۆزلەپ، زىددىيەتلەردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان،1815-يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئاۋسترىيىلەر روسىيە بىلەن پرۇسسىيىگە قارشى «ۋېنا شەرتنامىسى» نى مەخپىي ئىمزالىغان. ناپولېئون 3-ئاينىڭ 20-كۈنى فرانسىيىدە قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، يىغىن بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالغان. 1815-يىل 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئومۇمىي كېلىشىم ئىمزالانغان. بۇ كېلىشىمدە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپانى يېڭىباشتىن بۆلۈشۈۋېلىش قارا نىيىتى ئىپادىلىنىپ، بېلگىيە بىلەن گوللاندىيىنى قوشۇپ نىدېرلاند پادىشاھلىقىنى قۇرۇش، شۋېتسارىيە ۋە ساردىنىيە پادىشاھلىقىنى كۈچەيتىش بەلگىلەنگەن؛ روسىيە پولشا پادىشاھلىقىغا ئىگە بولغان، پرۇسسىيە ساكسونىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى ۋە پوزناننى ئىگىلىگەن؛ مالتا ئارىلى ئەنگلىيىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا ئۆتكەن، ئاۋسترىيە ئۆزىنىڭ ئىتالىيىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەن ھەمدە نۇرغۇنلىغان ئۇششاق كىنەزلىكلەرنى يېڭىباشتىن كونترول قىلغان؛ گېرمانىيە ئىتتىپاقى 34 فېئودال پادىشاھلىق ۋە تۆت ئەركىن شەھەر (ئوخشاش بولمىغان مەزگىللەردىكى سانى تامامەن ئوخشاش ئەمەس) دىن تەركىب تېپىپ، گېرمانىيىنىڭ بۆلۈنۈش ھالىتى داۋاملىق ساقلاپ قېلىنغان.

ۋېنتۋورس

  • ۋېنتۋورس[يەشمىسى:]»(William Charles Wentworth، 1793 — 1872). ئاۋسترالىيە سىياسىي ئەربابى. نورفولك ئارىلىدا (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە بۇ ئارالدىن سىدنېيغا بارىدىغان دېڭىز سەپىرى ئۈستىدە) تۇغۇلغان. 1803 — 1810-يىللاردا ئەنگلىيىدە ئوقۇغان. 1810-يىلى ئاۋسترالىيىگە قايتىپ كەلگەن. 1813-يىلى بلاكسلاند (Gregore Blaxland، 1778 — 1850)، «لاۋسون (William Lawson، 1774 — 1850) لار بىلەن بىللە كۆكتاغ تاغ تىزمىسىنى تۇنجى قېتىم كېسىپ ئۆتۈپ، ئاۋسترالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئېچىشنىڭ مۇھىم يولىنى تاپقان. 1816-يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان. 1824-يىلى سىدنېيغا قايتىپ كېلىپ، ۋالدېر بىلەن بىللە گېزىت چىقىرىپ، قانۇن تۈزۈشنى تەرغىپ قىلغان. 1835-يىلى ئاۋسترالىيە ۋەتەنپەرۋەرلەر جەمئىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ھەمدە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، ھەرقايسى مۇستەملىكە رايونلاردىكى ئاپتونومىيىلىك ھەرىكەتنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1838-يىلى گۇناھكارلارنى سۈرگۈن قىلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا قارشى تۇرغان. چارۋا ئىگىلىرى مەنپەئىتىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، يەر باھاسىنى يېڭىباشتىن بېكىتىشكە قارشى چىققان. 1843-يىلى يېڭى جەنۇبىي ۋالېس قانۇن تۈزۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1853-يىلى يېڭى جەنۇبىي ۋالېستا ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تەييارلاش كومىتېتى قۇرۇلۇپ، ئۇ رەئىسلىككە ۋە لايىھە تەييارلىغۇچىلىققا سايلانغان. 1855-يىلى ئەنگلىيە پارلامېنتى بۇ كومىتېت تەييارلىغان ئاساسىي قانۇننى ماقۇللىغان.1862-يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ ، تاكى ۋاپات بولغىچە شۇ يەردە ياشىغان.

ۋېنتۋورت

  • ۋېنتۋورت[يەشمىسى:]» يەنى «ستراففورد».

ۋېنترىس

  • ۋېنترىس[يەشمىسى:]»(Micahel Ventris، 6591 - 2291)، ئەنگلىيىلىك تىلشۇناس. دوكتور، ئەنگلىيە كلاسسىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى. ئارخېتىكتور بولغان. كىچىك ۋاقتىدىلا ئۇنىڭ تىل جەھەتتىكى قابىلىيىتى كۆرۈنگەن ھەمدە ياخشى تەربىيىگە ئىگە بولغان. ئېگېي مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى ئارخېئولوگىيە دوكلاتىنى ئوقۇغان، بولۇپمۇ ئېۋانسنىڭ كىرىت ئارىلى (ھىنوس سارىيى) نى قېزىش دوكلاتىنى ئوقۇپ، ئېگېي قەدىمكى يېزىقلىرىنى چۈشىنىشكە قىزىققان، سادۋىك (John Chadwock) بىلەن ھەمكارلىشىپ، مېكىناي، پىلوس قاتارلىق جايلاردىن چىققان سېغىز توپىدىن ياسالغان مەتبەئەگە ئاساسەن، 1952-يىلى يىپسىمان ھەرپ «B» (ئېگېي قەدىمكى يېزىقىنىڭ بىرخىلى) نى ئوقۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئىككىنچى يىلى «مېكىناي ئارخىپىدىكى يۇنان شىۋىسىدىكى ئاساسلار» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، يىپسىمان ھەرپ «B» يۇنان تىلىدا خېلى بۇرۇن بىلىنگەن شەكىل دەپ ھېسابلىغان. 1956-يىلى سادۋىك بىلەن بىرگە «مېكىناي دەۋرىدىكى يۇنان ھۈججەتلىرى» دېگەن ئەسەرنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ قەدىمكى تارىخ ئىلمىدىكى مۇھىملىقى ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان، ئۇ ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا تاپقان.

ۋېندې بەگلىكى

  • ۋېندې بەگلىكى[يەشمىسى:]» ۋىن دې قەبىلىلەر ئىتتىپاقىمۇ دېيىلىدۇ. پولابىسكى سلاۋىيانلار ئىلبا دەريا ئېغىزى بىلەن ئودېر دەريا ئېغىزى ئارىلىقىدا بالتىق دېڭىزى قىرغىقى بويلاپ قۇرغان ئەڭ دەسلەپكى فېئودال بەگلىك ياكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى. گېرمانىيىلىكلەر پولابىسكى سلاۋىيانلىرىنى ۋىندېنلار (Wonden، لاتىنچە Venedi) دېگەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئوبودرىتلاردىن بولغان ئاقسۆڭەك گوتشالىك تەختتە ئولتۇرغاندا ھەرقايسى قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ بەگلىك قۇرغان ھەمدە خرىستىئان دىنىدىن پايدىلىنىپ بەگلەرنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن. ئۇنىڭ ۋارىسى كرۇتوي تەختتە ئولتۇرغان دەۋردە ساكسۇن كىنەزلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، چېگرىسىنى شىمالىي دېڭىزغىچە يەتكۈزگەن. 1093-يىلى گوتشالىكنىڭ ئوغلى ھېنرى كرۇتوينى ئۆلتۈرۈپ، گېرمانىيە فېئوداللىرىغا بېقىنغان، بەزى قەبىلىلەر ھېنرىنى ئېتىراپ قىلماي، پولشا بەگلىكى بىلەن بىرلەشكەن. 1119-يىلى ھېنرى ئۆلگەندىن كېيىن بەگلىك زاۋالغا يۈز تۇتقان. تەخمىنەن 1129-يىلىدىكى ئاخىرقى قېتىم يىمىرىلىشتە، ئۇ يەرلەر مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىگە قوشۇلۇپ كەتكەن.

ۋېنرا

  • ۋېنرا[يەشمىسى:]» (Venus). قەدىمكى رىم ئەپسانىلىرىدىكى مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك مەبۇدىسى. يەنە مول ھوسۇل، باغۋەنچىلىك ۋە باھارنىڭ گۈللىرىنى باشقۇرىدىكەن. يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئافرودىتقا توغرا كېلىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە (ئىككىنچى قېتىملىق پوئىنى ئۇرۇشىدا)، ئۇنىڭغا بولغان چوقۇنۇش سىتسىلىيە ئارىلىدىن رىمغا تارقىلىشقا باشلاپ، كاپتولىن دۆڭىدە ئىبادەتخانا سېلىنىپ ئۇنىڭغا ئاتاپ نەزىر-چىراق قىلىنغان. رىمدا رىۋايەت قىلىنىشىچە، ترويا شەھىرى (كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمال قىسمىدا) نىڭ ئەپسانىدىكى قەھرىمانى ئائېنېئاس (Aeneas) ۋېنرانىڭ ئوغلى بولۇپ، يۇنان بىرلەشمە قوشۇنى ترويانى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئىتالىيىگە كېلىپ دۆلەت قۇرىدىكەن، كائېسار ۋە ئاۋگۇستۇس شاھ ئۆزلىرىنى ئائېنېئاسنىڭ پۇشتى دەپ قارىغانلىقتىن، ۋېنرا رىملىقلارنىڭ ئەجدادىغا ئايلانغان.

ۋېنگرلار

  • ۋېنگرلار[يەشمىسى:]» ۋېنگرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قەدىمكى ئاھالىسى. فىننو-ئۇگر (Ugric-Finno) تىل گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ، ئەڭ بۇرۇن ئۇرال تاغلىرى بىلەن كاما دەرياسى، بىلايا دەرياسى ۋە ۋولگا دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى جايلارغا تارقىلىپ ئورۇنلاشقان بولۇپ، بېلىقچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان. كېيىن جەنۇبىي روسىيە يايلاقلىرىغا كۆچۈپ بېرىپ، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. جەمئىي يەتتە قەبىلىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ماجار قەبىلىسى ئەڭ كۈچلۈك، شۇڭا ۋېنگرلار ماجارلار (Magyars) دەپمۇ ئاتالغان. مىلادى Ⅸ ئەسىردە قەبىلە ئىتتىپاقى بولۇپ ئۇيۇشۇپ، ئارپادنى باشلىق قىلغان. پېچېنەكلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ تۇرغانلىقتىن، Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا دۇناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى ۋە تىسسا دەرياسى ۋادىسىغا، يەنى ھازىرقى ۋېنگرىيە چېگرىسى ئىچىگە كۆچۈپ كەلگەن. كېيىن مىللەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۆچۈشى مەزگىلىدە دۇناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى رايونىدا ماكانلىشىپ قالغان ھونلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، ھازىرقى ۋېنگرلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ قالغان. 906-يىلى، غەربىي سلاۋىيانلارنىڭ بۈيۈك موراۋىيە كىنەزلىكىنى يوقاتقان. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دائىم گېرمانىيە، شىمالىي ئىتالىيە ۋە فرانسىيىگە بېسىپ كىرىپ، بۇ يەرلەرنى بۇلاپ-تالىغان. 955-يىلى، جەنۇبىي گېرمانىيىنىڭ ئاۋگۇسبۇرگ دېگەن يېرىنىڭ يېنىدا مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتۇرى ئوتتۇⅠ تەرىپىدىن يېڭىلىپ، شۇنىڭدىن كېيىن بارا-بارا ماكان تۇتۇپ دېھقانچىلىق قىلىدىغان تۇرمۇشقا كۆچكەن.

ۋېنگرىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى

  • ۋېنگرىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى[يەشمىسى:]» ۋېنگرىيە ئىشچىلار سىنىپى پارتىيىسى. 1890-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان. «پرىنسىپال خىتابنامە» دەپ ئاتىلىدىغان پارتىيە پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، كاپىتالىستىك ئېكسپىلاتاتسىيىگە قارشى تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئومۇمنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ لېكىن ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى باشتىن-ئاخىر ھەرىكەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى قىلغان. پارتىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئېنگېلسنىڭ ياردىمى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن توغرا لۇشيەن قوللانغان. 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بېرنىشتېين رېۋىزىئونىزملىق ئىدىيىۋى ئېقىمىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، بارا-بارا ئاغمىچىلىق يولىغا مېڭىپ، پارلامېنت يولى، سىنىپىي ھەمكارلىق ۋە «سوتسىيالىزمغا تىنچ ئۈسۈپ كىرىش» نۇقتىئىنەزەرىنى تەرغىپ قىلىپ، ماركسنىڭ پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى توغرىسىدىكى تەلىماتلىرىغا قارشى تۇرغان. مىللىي مەسىلىدە ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ مىللىي زۇلۇم سىياسىتىنى ئاقلىغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئوڭچى باشلىقلىرى بۇرژۇئا مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى قوللىغان. 1918-يىلى 11-ئايدا بېلاكۇن باشچىلىقىدىكى سولچى سوتسىيال دېموكراتلار ۋېنگرىيە كومپارتىيىسىنى قۇرغان. 1919-يىلى 3 — 8-ئايلاردا، كومپارتىيە بىلەن ۋېنگرىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى قىسقا مۇددەت ھەمكارلىشىپ، ۋېنگرىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ چىققان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاققىچە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1944-يىلى 10-ئايدا فاشىزمغا قارشى كۈرەش داۋامىدا كومپارتىيە بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېلىشىمى تۈزگەن. 1948-يىلى 3-ئايدا كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىپ ۋېنگرىيە ئەمگەكچى خەلق پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن.

ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى

  • ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:]» ۋېنگرىيە تارىخىدىكى تۇنجى پرولېتارىيات دىكتاتۇرىلىقىدىكى دۆلەت. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، پرولېتارىيات ئىنقىلاب قوزغاپ بۇرژۇئا ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، 1919-يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بۇداپېشتتا قۇرۇلغان. ھۆكۈمەتكە كوممۇنىستلار ۋە سوتسىيال دېموكراتلار قاتناشقان. ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسىنى قۇرۇپ، كارخانا، بانكا ۋە يەرنى دۆلەت ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۈۋالغان ھەمدە ئەمگەكچى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يۈزىسىدىن بىر قاتارچارە-تەدبىرلەرنى قوللانغان، لېكىن بەزى خاتالىقلارنىمۇ سادىر قىلغان، ئالايلۇق، كومپارتىيە بىلەن سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى پرىنسىپسىز بىرلەشتۈرگەن، پومېشچىكلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلغان بولسىمۇ، ئۇنى دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرمىگەن، ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى قەتئىي باستۇرمىغان. شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى چەت ئەلنىڭ قوراللىق ئارىلىشىشى ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق كۈچلەرنىڭ باستۇرۇشى بىلەن ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەن.

ۋېنگرىيە سېپى

  • ۋېنگرىيە سېپى[يەشمىسى:]» ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ۋېنگرىيە كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى فاشىزمغا قارشى بىرلىك سەپ. 1944-يىلى 5-ئايدا، كومپارتىيىنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن تەشكىللەنگەن. سوتسىيال دېموكراتلار، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ۋە زىيالىيلار گۇرۇھلىرى قاتناشقان. ۋېنگرىيە خەلقىنى ئىشنى ئاقسىتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، فاشىستىك ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇششاق يەر ئىگىلىرى ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پارتىيە-گۇرۇھلار كومپارتىيىنىڭ قوراللىق كۈرەشنى ئۇيۇشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىغانلىقتىن، گېرمانىيە فاشىزمغا قارشى تۇرىدىغان قوراللىق كۈچنى شەكىللەندۈرەلمىگەن. 1944-يىلنىڭ ئاخىرىدا «ۋېنگرىيە مىللىي مۇستەقىللىك سېپى» قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىپ، خەلقنىڭ فاشىزمغا قارشى تۇرۇشىغا داۋاملىق رەھبەرلىك قىلغان.

ۋېنگرىيە مىللىي مۇستەقىللىك سېپى

  • ۋېنگرىيە مىللىي مۇستەقىللىك سېپى[يەشمىسى:]» ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ۋېنگرىيە كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى فاشىزمغا قارشى بىرلىك سەپ. 1944-يىلى 12-ئاينىڭ باشلىرىدا ئەسلىدىكى «ۋېنگرىيە سېپى» نى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ئارقىلىق قۇرۇلغان. ۋېنگرىيە كومپارتىيىسى، ئۇششاق دېھقانلار پارتىيىسى، بۇرژۇئا دېموكراتلار پارتىيىسى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئازاد قىلىنغان قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، فاشىست گېرمانىيىسىگە قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان شۇنداقلا يەر ئىسلاھاتى، چوڭ يەر مۈلۈكچىلىكىنى يوقىتىش، قول سانائەت ۋە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈش، دۆلەت تۇرمۇشىنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئازاد بولغان دېبرېسېندا ۋاقىتلىق مىللىي پارلامېنت چاقىرىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ھەمدە فاشىست گېرمانىيىسىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 1945-يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. پۈتۈن ۋېنگرىيە ئازاد بولغاندىن كېيىن، 1946-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنى پادىشاھلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى جاكارلىغان. 1949-يىلى، ۋېنگرىيە ئەمگەكچى خەلق پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە «خەلق مۇستەقىللىك سېپى» گە ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن.

ۋېنگرىيە ۋەتەنپەرۋەر يولداشلار جەمئىيىتى

  • ۋېنگرىيە ۋەتەنپەرۋەر يولداشلار جەمئىيىتى[يەشمىسى:]» ۋېنگرىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر مەدەنىيەت تەشكىلاتى. 1779-يىلى پېشتتا قۇرۇلغان. ئاۋسترىيىنىڭ مەدەنىيەت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، ۋېنگرىيىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1788-يىلى تۇنجى ئەدەبىيات ژۇرنىلى«ماجال مۇزېيى»، تۇنجى ۋېنگرىيە گېزىتى — «ماجال شىرموندو» ۋە تۇنجى ئەدەبىيات مەجمۇئەسى — «ئۇرانىيە» نى نەشىر قىلغان؛ 1792-يىلى ۋېنگرىيە كۇتۇپخانىسىنى قۇرۇپ چىققان. بۇلاردىن باشقا، مەكتەپ ئاچقان. تىياتىرخانا ئېچىپ مىللىي تىياتىرلارنى ئويناپ، مىللىي تىلنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، مىللىي ئاڭنى قوزغىغان. ئۇنىڭ پائالىيىتى ئاۋسترىيە ئەكسىيەتچىل دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق چەكلىشىگە ئۇچرىغان.

ۋېنگرىيىدىكى 1848 — 1849-يىللاردىكى ئىنقىلاب

  • ۋېنگرىيىدىكى 1848 — 1849-يىللاردىكى ئىنقىلاب[يەشمىسى:]» ۋېنگرىيە خەلقىنىڭ ئاۋسترىيىنىڭ فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ۋە مىللىي زۇلۇمغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابى. 1848-يىلى، پارىژ فېۋرال ئىنقىلابى ۋە ۋېنا مارت ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، 3-ئاينىڭ 15-كۈنى پايتەخت — پېشت خەلقى ۋەتەنپەرۋەر شائىر پېتوفىنىڭ چاقىرىقى بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مىللىي مۇستەقىللىك ۋە دېموكراتىك ئىسلاھات ھەققىدە 12 ماددىلىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاۋسترىيە كورۇلى ئىلاجىسىز ئەركىن ئاقسۆڭەكلەر رەھبەرلىكىدىكى ۋېنگرىيە مىللىي ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشقا قوشۇلغان. 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋېنگرىيە پارلامېنتى خەلقنىڭ بېسىمى ئارقىسىدا، «مارت پەرمانى» نى ماقۇللاپ، ۋېنگرىيىنى مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە ھەربىي ۋە مالىيەدە مۇستەقىل، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ۋە ھەرخىل دېموكراتىك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاۋسترىيە پادىشاھى چېخ ۋە ئىتالىيىدىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرغاندىن كېيىن،9-ئايدا ۋېنگرىيە مىللىي پارلامېنتىنىڭ تارقىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ۋېنگرىيىگە ئەسكەر كىرگۈزگەن. 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋېنگرىيىدە كوسۇت رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى قۇرۇلۇپ، مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشى قانات يايدۇرۇلغان. 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۇنجى غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەمدە ئاۋسترىيە چېگرىسىغىچە قىستاپ بارغان. ئاۋسترىيە خان جەمەتى ۋېنا ئۆكتەبر قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن، ۋېنگرىيە ئىنقىلابىغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، 1849-يىلى 1-ئايدا، ئاۋسترىيە ئارمىيىسى پېشتنى ئىشغال قىلغان. 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاۋسترىيە كورۇلى يېڭى ئاساسىي قانۇندا ۋېنگرىيىنى ئاۋسترىيىنىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغان. 4-ئايدا، ۋېنگرىيىنىڭ ئىنقىلابىي كۈچلىرى يېڭىباشتىن ئۇيۇشۇپ، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، ۋېنگرىيە مىللىي پارلامېنتى ۋېنگرىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى جاكارلاپ، كوسۇتنى دۆلەت باشلىقى قىلىپ سايلىغان. 5-ئاينىڭ باشلىرىدا پايتەخت ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى زور كۆپ قىسىم جايلار ئازاد قىلىنغان. 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، ئاۋسترىيە چارروسىيىدىن ياردەم تىلەپ، روسىيىنىڭ 140 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق ئىستېلاچى قوشۇنى ۋېنگرىيىگە بۆلۈنۈپ تاجاۋۇز قىلىپ، ئىنقىلابنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرغان. 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، كوسۇت تەسلىمچىلەرنىڭ تەھدىت سېلىشى بىلەن، تۈركىيىگە قېچىپ كەتكەن. 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ۋېنگرىيە قوشۇنى قورال تاشلاشقا مەجبۇر بولۇپ، ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغان. لېكىن ئىنقىلاب ئاۋسترىيە بىلەن ۋېنگرىيىنىڭ فېئودال مۇستەبىت تۈزۈمىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ۋېنلاڭ مىللىتى

  • ۋېنلاڭ مىللىتى[يەشمىسى:]»ۋيېتنام رىۋايەتلىرىدىكى ئەڭ قەدىمكى قوۋملاردىن بىرى. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرلەردە خوڭخې دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى جايلاردا تارقىلىپ ياشىغان. ئۇلارنىڭ «چېچىنى كېسىپ، مەدەنىي ياشاش» ئادىتى بولغاچقا «مەدەنىيەتلىك مىللەت» دەپ (ۋىنلاڭ زۇ) ئاتالغان. ھۆكۈمرانى لۇ (ئەركەك، قۇدرەتلىك، قوڭغارچا) خان دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ قول ئاستىدا لۇخۇ، لۇجياڭ ۋە پۇچېڭلار تەسىس قىلىنغان، پائالىيەت مەركىزى فىڭ ۋىلايىتىدە. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي پائالىيىتى بېلىقچىلىق ۋە دېھقانچىلىق ئىگىلىكى بولغان. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قوۋملار ئىتتىپاقىدىن دۆلەتكە، ئىپتىدائىي كوممۇنادىن سىنىپىي جەمئىيەتكە ئۆتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە ھەر دائىم شۇبۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرغان. مىلادىدىن 257 يىل ئىلگىرى شۇبۇلار خانى زىپەن (ئەنياڭ خانى) تەرىپىدىن يوقىتىلغان.

ۋېنىتسىيە جۇمھۇرىيىتى

  • ۋېنىتسىيە جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:]»مىلادى ⅩⅧ - Ⅹ ئەسىرلەردىكى ئىتالىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى شەھەر دۆلىتى. ئادرىياتىك دېڭىزنىڭ بويىدا. قەدىمكى دەۋردە بېلىقچىلارنىڭ مەھەللىسى بولغان. مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋېزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولغان. Ⅸ ۋە Ⅹ ئەسىردىن باشلاپ غەربىي ياۋروپا بىلەن شەرقىي ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتىلىك سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە كېمىچىلىك، توقۇمىچىلىق قاتارلىق قول سانائىتى گۈللەنگەن. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋېزانتىيە بىلەن بولغان بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسى تۆتىنچى قېتىم شەرققە تاجاۋۇز قىلغان مەزگىللىرى (4021 - 2021) جەنۇبىي يۇنان ۋە ئېگې دېڭىزىدا كۆپلىگەن تايانچ پونكىتلارنى قۇرغان، ئۇنىڭ ئىچىدە كرىت ئارىلى ۋە ئېئوبېيە ئارىلىمۇ بولۇپ، بۇ جايلاردا كاتتا سودا ئىمتىيازلىرىغا ئىگە بولۇۋېلىپ، ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى چوڭ دۆلەت بولۇپ قالغان. ⅩⅣ - ⅩⅢ ئەسىردە ئۇزاق ۋاقىت سودا رەقىبى گېنويە بىلەن كەسكىن رىقابەتلەشكەن؛ 1380-يىلى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن كېلىپ، ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويغان. شۇنىڭدەك ئىتالىيىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىشىنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. Ⅻ ئەسىردىن باشلاپ ھاكىمىيەت ئاز ساندىكى سودا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، ئولىگارخىيىلىك مۇستەبىتلىك خاراكتېر ئالغان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە شەرق بىلەن غەربنىڭ سودىسى ئوسمان ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە يېڭى سۇ يولىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپادىكى سودا مەركىزى ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن كۈچى ئاجىزلاپ، زېمىنى كۈنسېرى كىچىكلەپ كەتكەن. 1797-يىلى ناپولېئون تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. شۇ يىلى ئاۋسترىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا بۆلۈپ بېرىلگەن. 1866-يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇلۇپ كەتكەن.

ۋېنىزېلوس

  • ۋېنىزېلوس[يەشمىسى:]»(Eleutherios Venizelos، 6391 - 4681). گرېتسىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1910 —1915، 1917 —1920، 1924، 1928 — 1932، 1933). كرىت ئارىلىدا تۇغۇلغان. ئافىنادا قانۇن ئوقۇغان.1897-يىلى كرىت ئارىلىدا بولغان قوزغىلاڭغا قاتناشقان، ئۇزۇن ئۆتمەي شاھزادە گېئورگې (George) نىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى بولغان. كېيىن كرىتنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان. ئۇ كرىت ئارىلىنىڭ گرېتسىيىگە قوشۇلۇشىنىڭ تەشەببۇسچىسىدۇر. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلىدە چەكلىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، «بۈيۈك گرېتسىيە» قۇرۇشقا تىرىشقان. 1912-يىلى بالقان ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سۈرگەن. 1912 - 1913-يىللاردىكى ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىدا، كرىت ئارىلى، تراكىيىنىڭ غەربىي قىسمى، ماكىدونىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلارنى گرېتسىيىگە قوشۇۋالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇ گرېتسىيىنىڭ ئانتانتا دۆلەتلىرىگە قاتنىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، گېرمانپەرەس فاڭجېنىنى يولغا قويغان كورۇل كونستانتىنⅠ بىلەن ئىختىلاپ تۇغۇلغانلىقتىن خىزمەتتىن قالدۇرۇلغان. 1916-يىلى سىسالونىكىدا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن. كېيىنكى يىلى كورۇل مەجبۇرىي تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، يەنە گرېتسىيىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان ھەمدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 1919-يىلى سوۋېت روسىيىسىگە قوراللىق مۇداخىلە قىلىشقا قاتناشقان ھەمدە تۈركىيىگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان، ئىككىلىسىدىلا مەغلۇپ بولۇپ، 1920-يىلى تەختتىن چۈشكەن، كېيىن يەنە ئۈچ قېتىم باش ۋەزىر بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا پادىشاھلىقنىڭ تىرىلىشىگە قارشى تۇرغان. 1935-يىلى كرىت ئارىلىدىكىلەرنى پادىشاھلىق تۈزۈمگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ھەرىكەتلەندۈرگەن، ئەمما خانپەرەسلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن ۋە پارىژدا ۋاپات بولغان.

ۋېئى جېڭى

  • ۋېئى جېڭى[يەشمىسى:]» قەدىمكى رىملىقلار بىلەن ئېترۇسىسلارنىڭ ئۇرۇشى. ئۇرۇش ئاساسەن ئېترۇرىيىنىڭ مۇھىم شەھىرى ۋېئى (Veii، رىم شەھىرىنىڭ شىمالىغا، تىپو دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىغا جايلاشقان) دا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئېترۇسىسلارنىڭ كۈچى رىمدىن سىقىپ چىقىرىلغان، ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ كۈرىشى يەنىلا بەزىدە توختاپ، بەزىدە داۋاملىشىپ تۇرغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 483 — 396 يىل ئىلگىرىكى ئۈچ قېتىم بىر قەدەر زور كۆلەملىك ئۇرۇش بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 693 - 504-يىللاردا، 10 يىل قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، رىملىقلار ۋېئى شەھىرىنى ئاخىر ئىشغال قىلغان ھەمدە شەھەرنى ۋەيران قىلىپ، زېمىنىنى رىمغا قوشۇۋەتكەن، خەلقىنى قۇل قىلىپ ساتقان. شۇنىڭدىن باشلاپ رىم ئۆزىنىڭ شىمالىي قوشنىسى ئېترۇرىيىنىڭ كەڭ رايونلىرىنى كونترول قىلغان.

ۋېيتانگى شەرتنامىسى

  • ۋېيتانگى شەرتنامىسى[يەشمىسى:]»ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى زېلاندىيىدىكى ماۋرىلارنىڭ بىر قىسىم ئاقساقاللىرىنى ئالداپ ۋە مەجبۇرلاپ تۈزگەن تەڭسىز شەرتنامە.1840-يىلى 1-ئايدا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يېڭى زېلاندىيىدىكى مىتىروپولىيە ھوقۇقىنى كۆزلەپ، يېڭى زېلاندىيىدە تۇرۇشلۇق ۋالىي ۋىللىيام خوبسوننى يېڭى زېلاندىيە تاقىم ئاراللىرى قولتۇقىغا ئەۋەتىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋېيتانگى (Waitangi) دېگەن جايدا يېڭى زېلاندىيىنىڭ شىمالىدىكى مائورىسلار قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرىنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ، شەرتنامىنىڭ لايىھىسىنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: ماۋرىلارنىڭ ئاقساقاللىرى ئۆز تېررىتورىيىسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش؛ يەرلەرنى پەقەت ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگىلا سېتىش؛ ئەنگلىيە ھەرقايسى قەبىلىلەر ھەمدە ئاقساقاللارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى قوغداش ۋە دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراتماسلىق؛ ماۋرىلار ئەنگلىيە پۇقرالىرىغا ئوخشاش ھوقۇق ۋە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولۇش، دېگەنلەردىن ئىبارەت. كەسكىن تالاش-تارتىشتىن كېيىن، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ماۋرىلارنىڭ ئاقساقاللىرى مەزكۇر شەرتنامىنى ئىمزالىغان.

ۋېيتېلىڭ

  • ۋېيتېلىڭ[يەشمىسى:]»(Wilhelm Weitling، 1781 - 8081) گېرمانىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەربابى، خىيالىي كوممۇنىزمچى. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە تۇرمۇشى نامرات ئۆتكەن، ماشىنىچى بولغان. 1830-يىلى ساكسونىيىدە لېيپسىگ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1834-يىلى ۋېناغا بېرىپ، ئىجتىمائىي مەسىلىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. 1835-يىلى پارىژدا سەرگەردان بولۇپ، سەرگەردانلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. بۇ تەشكىلات ئۇزۇن ئۆتمەي بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئىككىنچى يىلى ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقىغا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 1838-يىلى، «رېئال ئىنسانلار بىلەن غايىۋى ئىنسانلار» دېگەن تۇنجى ئەسەرنى ئېلان قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ نامرات بولۇشىنىڭ يىلتىزى «ئەمگەك ۋە ئەمگەك ياراتقان بايلىق تەقسىماتىنىڭ تەڭسىزلىكى» دىن ئىبارەت دەپ كۆرسەتكەن. 1842-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۇ، جەنۋەدە «ئىناقلىق بىلەن ئەركىنلىكنىڭ كاپالىتى» دېگەن ئەسەرنى ئېلان قىلىپ، خىيالىي كوممۇنىزم پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كوممۇنىزم تۈزۈمى شارائىتىدا پۈتكۈل جەمئىيەتنى «ئىناقلىق ۋە ئەركىنلىك» كە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان ھەمدە كونا جەمئىيەتنى زورلۇق ئىنقىلابى ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلغان. بىراق بۇ ۋەزىپىنى ئاز سانلىق ئىنقىلابچىلارنىڭ مەخپىي پىلانى ۋە كەمبەغەللەرنىڭ ستېخىيىلىك قوزغىلىڭىلا ئورۇندىيالايدۇ، دەپ ھېسابلىغان. 1843-يىلى 5-ئايدا، «نامرات گۇناھكارلارنىڭ ئىنجىلى» دېگەن ئەسەرنى ئېلان قىلغاندا سىيۇرىخ تەپتىش نازارىتى تەرىپىدىن خۇداغا تىل تەگكۈزگەن دېگەن بەتنام بىلەن قولغا ئېلىنغان. 1844-يىلى 5-ئايدا، پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا قويۇپ بېرىلگەن. 1846-يىلى، بىريۇسسېلدا كوممۇنىستىك ئالاقە كومىتېتىغا قاتناشقان. ئۇزۇن ئۆتمەي «ھەقىقىي سوتسىيالىزم» نى تەنقىد قىلىشقا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ماركس، ئېنگېلس بىلەن ئاشكارا ئادا-جۇدا بولغان.1846يىلى12-ئايدا نيۇ-يوركقا بېرىپ «خەلق مۇنبىرى» گېزىتىنىڭ تەھرىرى بولغان. 1848-يىلى ياۋروپا ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن گېرمانىيىگە قايتىپ بېرىپ ئىنقىلابقا قاتناشقان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئامېرىكىغا بېرىپ، كوممۇنىستىك كوممۇنا قۇرۇپ، نەتىجە چىقىرالمىغان. 1855-يىلى ئىشچىلار ھەرىكىتىدىن ئايرىلىپ كەتكەن.

ۋېيدېمېيېر

  • ۋېيدېمېيېر[يەشمىسى:]»(Joseph Weydemeyer، 6681 - 8181) گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتچىسى، ماركس، ئېنگېلسنىڭ سەپدىشى. ۋېستفالىيىدىكى ئەمەلدار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بېرلىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. ياش ۋاقتىدا پرۇسسىيە توپچى قىسىملىرىدا ئوفىتسېر بولغان. 1845-يىلى ئارمىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئىنقىلابىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.1847-يىلى كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 9481 - 8481-يىللىرىدىكى گېرمانىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە، ۋېستفالىيىدىكى دېموكراتىك ئىنقىلابقا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە ھام ئىشچىلار بىرلەشمىسىگە قاتناشقان. 0581 - 9481-يىللىرى دېموكراتلارنىڭ ئورگان گېزىتى — «يېڭى گېرمانىيە گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن مۇھەررىرى بولۇپ، ماركس تۈزگەن پرولېتارىيات ئىنقىلابىنىڭ تاكتىكىسىنى ھىمايە قىلغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان، كېيىن نيۇ-يوركتا ئولتۇراقلىشىپ، ماركس، ئېنگېلس بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرغان. 1852-يىلى 5-ئايدا، زورگې قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە نيۇ-يوركتا ئامېرىكىدىكى تۇنجى ماركسىزمچى تەشكىلات — «پرولېتارلار ئىتتىپاقى» نى تەشكىل قىلىپ، ئىلمىي سوتسىيالىزمنى تەشۋىق قىلىدىغان يادرو بولۇپ قالغان. شۇ يىلى ئامېرىكا بويىچە تۇنجى ماركسىزملىق نەزەرىيىۋى ژۇرنال يەنى نېمىسچە «ئىنقىلاب» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، ماركسنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرغان ۋە ئېلان قىلغان. 1853-يىلى 3-ئايدا يەنە گېرمانىيە كۆچمەنلىرىنى ئاساس قىلغان «ئامېرىكا ئىشچىلىرى جەمئىيىتى» نى قۇرغان ھەمدە «ئىسلاھات گېزىتى» نى چىقارغان. 1857-يىلى چىكاگودا گېرمانىيە تەۋەلىكىدىكى ئىشچىلارنى تەشكىللەپ، «چىكاگو ئىشچىلار جەمئىيىتى» نى قۇرغان. 5681 - 1681-يىللىرىدىكى ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى كۈرەشكە قاتنىشىپ، كۆپ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما شتات ئارمىيىسىدە پولكوۋنىك، كوماندىر بولغان. 1864-يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇلغان چاغدا، ئامېرىكا ياچېيكىسىنىڭ تەشكىلاتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان. 1866-يىلى ئۇنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا، «ئامېرىكا ئەمگەكچى ئىشچىلار بىرلەشمىسى» قۇرۇلغان. ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى ئامېرىكا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ۋېيسى

  • ۋېيسى[يەشمىسى:]»(Veysi، 1561 — 1627). تۈركىيىلىك ساتىرىك شائىر. سودىيە بولغان. ئاساسلىق شېئىرلىرى «ئىستانبولغا نەسىھەت»، «چۈش» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئەينى زاماندىكى ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ چۈشكۈنلىشىشىنى پاش قىلغان ۋە سۆككەن.

ۋېيگاند

  • ۋېيگاند[يەشمىسى:]»(Maxime Weygand، 5691 - 7681) فرانسىيىنىڭ ھەربىي قوماندانى. 1888-يىلى سېن-شىر ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ ئالىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئالىي قوماندانلىق شتابىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1920 — 1922-يىللاردا فرانسىيىنىڭ پولشادا تۇرۇشلۇق ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولۇپ، سوۋېت روسىيىسىگە قارشى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان. 4291 - 3291-يىللىرى سۈرىيىدە تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ۋالىي بولغان. 5391 - 0391-يىللىرى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان، 1939-يىلى سۈرىيە ۋە لىۋاندا تۇرۇشلۇق فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 1940-يىلى 5-ئايدا گامېلىننىڭ ئورنىنى دەسسەپ ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. لېكىن مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن. شۇ يىلى 7-ئايدىن 9-ئايغىچە، ۋېيشى ھۆكۈمىتىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان، كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى بولۇپ شىمالىي ئافرىقىغا ئەۋەتىلگەن، ئالجىرىيىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1942-يىلى 9-ئايدا قولغا ئېلىنغان ۋە گېرمانىيىدە قامالغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، قولغا ئېلىنىپ سوراق قىلىنغان. 1948-يىلى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن.

ۋېيگاند مۇداپىئە لىنىيىسى

  • ۋېيگاند مۇداپىئە لىنىيىسى[يەشمىسى:]» 1940-يىلى 5-، 6-ئايلاردا ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ۋېيگاندنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، سۇنم دەرياسى بىلەن ئېنا دەرياسى رايونىدا ياسالغان مۇداپىئە لىنىيىسى. 1940-يىلى 6-ئاينىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى دېنگېركتىن چېكىنگەندىن كېيىن گېرمانىيە ئارمىيىسى پۈتكۈل فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالغان ھەمدە ئەسكەر چىقىرىپ پارىژغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن. فرانسىيە ھايات-ماماتلىق خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، ۋېيگاند سۇنم دەرياسى رايونىنى قەتئىي قوغداش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، سۇنم دەرياسى بىلەن ئېنا دەرياسىنىڭ خەتەرلىك يېرىدىن پايدىلىنىپ، ھەربىي مۇداپىئە لىنىيىسىنى قۇرۇش ئارقىلىق گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلىشىنى توسۇۋېلىشقا ئۇرۇنغان. بۇ مۇداپىئە لىنىيىسىنىڭ كەڭلىكى 15 كىلومېتر كېلىدۇ. ئۇنى 10-، 7-، 6-جىتۇەنجۈندىن تەشكىل قىلىنغان 3-جىتۇەنجۈن تۈركۈمىدىكى جەمئىي 49 دىۋىزىيە مۇھاپىزەت قىلغان. 6-ئاينىڭ 5-كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسى «فرانسىيە ئۇرۇشى» نى قوزغىغان. بىرنەچچە كۈن ئىچىدىلا ۋېيگاندنىڭ ئالدىراپ-تېنەپ قۇرغان مۇداپىئە لىنىيىسىنى بىتچىت قىلغان. غەربىي ۋە شەرقىي جەنۇبى تەرەپتىن پارىژنى قورشىۋالغان. 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئۇرۇش قىلمايلا پارىژنى ئىشغال قىلغان.

ۋېيمار ئاساسىي قانۇنى

  • ۋېيمار ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:]»گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتى (ۋېيمار جۇمھۇرىيىتى) نىڭ ئاساسىي قانۇنى. ۋېيمار شەھىرىدە چاقىرىلغان ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىدا ماقۇللانغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1919-يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنى تەستىقلىنىپ، 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان. 181 ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئاساسىي قانۇن فېدېراتسىيىنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە خىزمەت ھوقۇقى، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. ئۇنىڭدا گېرمانىيىنىڭ فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەت ئىكەنلىكى جاكارلانغان؛ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى فېدېراتىپ پارلامېنتى ۋە فېدېراتىپ كېڭىشىدىكى ئىككى پالاتادىن تەركىب تاپقان پارلامېنت ئىكەنلىكى، دۆلەت باشلىقىنىڭ زۇڭتۇڭ ئىكەنلىكى، ئالىي مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ ئىچكى كابىنېت ئىكەنلىكى؛ پۇقرالارنىڭ سايلاش ھوقۇقىغا، سۆزلەش، نەشىر قىلىش، يىغىلىش، ئۇيۇشۇش قاتارلىق ئەركىنلىككە ئىگە ئىكەنلىكى جاكارلانغان. ئاساسىي قانۇندا زۇڭتۇڭ دۆلەت پاراكەندىچىلىككە ياكى خەۋپكە ئۇچرىدى، دەپ ھېسابلىغاندا، ئاساسىي قانۇندىكى پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا ئائىت ماددىلارنى كۈچتىن قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمرانلار سىنىپىنى ئەمگەكچى خەلقنى ھەر ۋاقىتتا باستۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان ھەمدە كېيىنكى ۋاقىتلاردا فاشىست دىكتاتۇرا ئورنىتىش ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن. 1933-يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن توختىتىلغان.

ۋېيمار جۇمھۇرىيىتى

  • ۋېيمار جۇمھۇرىيىتى[يەشمىسى:]»يەنى گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتى. «ۋېيمار ئاساسىي قانۇنى» نى قوللانغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابىدا خوخېنتىسوللىرن خاندانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن بۇرژۇئازىيە ۋە يۇنكېرلار ئوڭچى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرىدىن پايدىلىنىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، جۇمھۇرىيەتنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 1919-يىلى 2-ئايدا ۋېيماردا مىللىي يىغىن چاقىرىپ، ئاساسىي قانۇن تۈزگەن، ئوڭچى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئېبېرتنى زۇڭتۇڭ قىلىپ سايلىغان. 1925-يىلى ئېبېرت ئۆلگەندىن كېيىن، مىلىتارىستلاردىن ھىندېنبۇرگ زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان.1933-يىلى 1-ئايدا ھىندېنبۇرگ گىتلېرنى زۇڭلىلىققا تەيىنلىگەن، شۇ يىلى 3-ئايدا گىتلېر فاشىستىك تېررورلۇق ۋاسىتە بىلەن «ھوقۇق بېرىش قانۇنى» نى زورمۇزور ماقۇللىتىپ، «ۋېيمار ئاساسىي قانۇنى» ئىجرا قىلىنىشتىن توختىتىلىپ، جۇمھۇرىيەتكە خاتىمە بېرىلگەن.

ۋېتس

  • ۋېتس[يەشمىسى:]» (Georg Waitz، 1813 — 1886) گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس، ياشلىق دەۋرىدە نىبۇلنىڭ ئەسەرلىرىگە مەستانە بولۇپ، ئاساسىي قانۇنچىلىق تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا ئىرادە باغلىغان. 1833-يىلى بېرلىن داشۆسىگە بېرىپ ئوقۇغان ھەم رانكېنى ئۇستاز تۇتۇپ، رانكېچىلارنىڭ ئاساسىي ئەزاسى بولۇپ قالغان ھەمدە «ھېنرى Ⅰ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدىكى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ يىللىق مەجمۇئەسى» دېگەن كىتابىنى يازغان. 1842 — 1848-يىللىرى كىل داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1848-يىلى فرانكفورت مىللىي پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 5781-9481-يىللىرى گۇتتىنگېن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى بويىچە مەخسۇس تەتقىقات سىنىپىغا رىياسەتچىلىك قىلغان، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر ناھايىتى كۆپ بولغان. 1875-يىلى «گېرمانىيە تارىخىي ماتېرىياللىرى توپلىمى» نىڭ باش تەھرىرى بولۇپ، خېلى كۆپ تۆھپە قوشقان. «گېرمانىيىنىڭ دۆلەت تۈزۈمى تارىخى» (سەككىز توم) ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. بۇ ئەسەر ماتېرىيالى تولۇق، دەلىل-ئىسپاتى مۇكەممەل، مەزمۇنى مول تارىخىي ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ۋىتت

  • ۋىتت[يەشمىسى:]»(1) يېئاندې ۋىتت (Jean de Witt، 2761 - 5261). گوللاندىيىنىڭ ئۆلكىلىك پارلامېنت باشلىقى (2761-3561). دوردرېخت (Dordrecht) شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئادۋوكات بولغان. 1650-يىلى ئورانگې شاھزادىسى ۋىللىيامⅡ (William Ⅱ، 1626— 1650) بىلەن بولغان كۈرەشتە، بۇرژۇئازىيە تەرىپىدىن ئەڭ ئالىي دۆلەت ئىشلىرى كاتىپلىقىغا كۆرسىتىلىپ، دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن. ئۆلكىلىك پارلامېنت باشلىقى بولغان مەزگىلدە، گوللاندىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشى (يەنى ئەنگلىيە-گوللاندىيە ئۇرۇشى، 1652 — 1654؛ 7661 - 5661) غا باشچىلىق قىلغان. دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقارغان، بىرىنچى قېتىملىق شىمال ئۇرۇشى (1655 — 1660) غا ئارىلىشىپ، غەلىبە قىلغان. 1667-يىلى «مەڭگۈلۈك قانۇن» نى تۈزۈپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي باش قوماندانلىقىنى قوشۇمچە ئۆتۈشىگە بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلەپ، ئورانگې جەمەتىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان. 1668-يىلى ئەنگلىيە، شۋېتسىيە بىلەن ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، فرانسىيە پادىشاھى لۇئى ⅩⅣ نىڭ زېمىن كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرغان. جامائەت مالىيە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ شەرقىي ھىندىستاندىكى سودىسىنى كېڭەيتكەن. ئەمما ئورانگې جەمەتى بىلەن بولغان كۈرەش ۋە سىرتقا قارىتا ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش قىلىش تۈپەيلىدىن، ئاخىرى خەلقنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، 1672-يىلى قەتل قىلىنغان. (2) سېرگېي يولېۋىچ ۋىتتې (Сергей Юльевич Витте، 5191 - 9481). روسىيىنىڭ مالىيە ۋەزىرى (3091 - 2981)، باش ۋەزىرى (1905 —1906). گراف. چوڭ بيۇروكرات ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا تۆمۈريول ترانسپورتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، 1889-يىلى مالىيە مىنىستىرلىكى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. مالىيە ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە، گېرمانىيە بىلەن چېگرا بېجى شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، چەت ئەل كاپىتالىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىپ، بۇرژۇئازىيىنى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشتۇرغان؛ پۇل تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ھاراق تۈرىدىكىلەرنى مەخسۇس سېتىشنى يولغا قويۇپ، تۆمۈريول ياسىتىپ، بانكىلارنى قۇرۇپ، كاپىتالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى مۇستەھكەملىگەن؛ يىراق شەرقتىكى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى پائال يۈرگۈزۈپ، روسىيە-جۇڭگو مەخپىي شەرتنامىسى ئىمزالاش ۋە سىبىرىيە چوڭ تۆمۈريولى، ئوتتۇرا شەرق تۆمۈريولىنى قۇرۇشقا رىياسەتچىلىك قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياپونىيە بىلەن دەرھال توقۇنۇشۇپ قېلىشقا قارشى تۇرغان. 1905-يىلى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ بېرىپ، ياپونىيە بىلەن «پورتسموئۇت سۈلھ شەرتنامىسى» نى تۈزگەن. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، روسىيىدىكى 1905-يىلى ئىنقىلابنى ئۇجۇقتۇرۇش پىلانىنى تۈزگەن؛ «17-ئۆكتەبر خىتابنامىسى» نى تەييارلاپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش نەيرىڭىنى ئىشلەتكەن؛ سېۋاستوپول ۋە كرونشتادت ماتروسلىرىنىڭ قوزغىلىڭى ۋە موسكۋادىكى دېكابر قوراللىق قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. كېيىن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە مالىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. «ئەسلىمىلەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ۋىتتېر

  • ۋىتتېر[يەشمىسى:]» (John Creenleaf Whitter، 2981 - 7081). ئامېرىكىلىق شائىر. ماسساچۇست شتاتىدىكى نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدىن تارتىپلا شېئىرىيەتكە ھەۋەس قىلغان. ئاساسەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە تايىنىپ يېتىلگەن. ياشلىق دەۋرىدە شوتلاندىيىلىك شائىر بۇرنىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. تۇرمۇشنىڭ مەجبۇر قىلىشى ئارقىسىدا، موزدۇز، ئوقۇتقۇچى بولغان. 2381 - 0381-يىللاردا «يېڭى ئېنگلاند ھەپتىلىك گېزىتى» نىڭ تەھرىرى بولغان. 1833-يىلىدىن كېيىن قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش تەرەپدارىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى قۇللۇق تۈزۈمنى سۆكۈش، ئەركىنلىككە ئىنتىلىش بىلەن تولغان شۇنداقلا كاتولىك دىنى تۈسىنىمۇ ئالغان. ئاساسلىق شېئىرلىرى «ئەركىنلىك ئاۋازى»، «ئەمگەك ناخشىسى»، «ئامېرىكىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش دەۋرىدىكى شېئىرلار توپلىمى»، «قار قاپلاش» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ۋىترۇۋىئۇس

  • ۋىترۇۋىئۇس[يەشمىسى:]»(Marcus Vitruvius Pollio، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىر). قەدىمكى رىم ئارخېتىكتورى. كائېسار شىمالىي ئافرىقىغا ئەسكەر كىرگۈزگەندە (46) ئۇنىڭ قوشۇنىدا مېخانىك بولغان. باشقا سەرگۈزەشتىسى ئېنىق ئەمەس. رىمنىڭ جامائەت بىنالىرى، سۇ تۇرۇبا ئىنشائاتلىرى ۋە بەزى ھەربىي قورال-ياراقلارنى لايىھىلەش ۋە ياساشقا قاتناشقان. ئۆز تەجرىبىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، «بىناكارلىق ئون كىتابى» (10 توم) يېزىپ چىقىپ ئىمپېراتور ئاۋگۇستۇسقا تەقدىم قىلغان. بۇ ئەسەر بىناكارلىق ئىلمىنىڭ ئومۇمىي قىسمى، ئارخېتىكتورنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش، شەھەر قۇرۇلىدىغان ئورۇننى تاللاش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى، ئىلاھ ئوردىسى ۋە باشقا بىنالارنىڭ تۈزۈلۈشى، شەھەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە قۇياش سائەت تۈرىدىكى ۋاقىت ھېسابلىغۇچلارنى تەتقىق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قۇرۇلۇشلارنى ئاساسەن تۆت خىل تىپقا (3-ۋە 4-توم)، يەنى ئىئونىيە تىپى، كورىنتوس تىپى، دورىيا تىپى ۋە توسكانا تىپىغا بۆلگەن. ئۇ قەدىمكى رىمدىن زامانىمىزغا يېتىپ كەلگەن بىردىنبىر بىناكارلىق نەزەرىيىسى خاراكتېرلىك ئەسەر بولۇپ، رىم دەۋرىدىكى پەن-تېخنىكىغا ئائىت بىلىملەرنى ئىگىلەشتە، خېلى زور قىممەتكە ئىگە.

ۋىتمان

  • ۋىتمان[يەشمىسى:]» (Walt Whitman، 2981 - 9181). ئامېرىكىلىق شائىر. نيۇ-يورك شتاتىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، باسما ئىشچىسى، ياغاچچى بولغان. 1836 — 1859-يىللاردا سەييارە ئوقۇتقۇچى بولغان. 8481 - 6481-يىللاردا بروكلىن «شۇڭقار گېزىتى» نىڭ تەھرىرى بولغان. كېيىن «شەھەرلىكلەر گېزىتى» نىڭ تەھرىرى بولغان. 9581 - 7581-يىللاردا «دەۋر» گېزىتىنىڭ تەھرىرى بولغان. جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىدا، 1862-يىلى ئۆز ئىختىيارى بىلەن يارىدارلارنى كۈتكەن. 1873-يىلى بەختكە قارشى مېڭىسىگە قان چۈشكەن. ئەمما يەنىلا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋەرگەن. ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرى «ياپراق» 1855-يىلى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، كۆپ قېتىم قايتا نەشىر قىلىنغان ھەمدە يېڭى شېئىرلار بىلەن تولۇقلانغان. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىدىن بۇرۇن، ئۇرۇش داۋامىدا ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن دەپ ئۈچ دەۋرگە بۆلۈش مۇمكىن. دەسلەپكى دەۋرىدە ئەركىنلىكنى مەدھىيىلەپ، قۇلدارلارنىڭ رەھىمسىزلىكىنى پاش قىلىش، نىگېر قۇللار ۋە ئىندىئانلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە ھېسداشلىق قىلىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان. ئوتتۇرا دەۋرىدە، ئاساسەن خەلقنى قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى كۈرەشكە قاتنىشىشقا چاقىرغان. كېيىنكى دەۋرىدە ئامېرىكا بۇرژۇئازىيە دېموكراتىيىسى ۋە ئەخلاقىنىڭ چۈشكۈنلىشىشىنى تەنقىد قىلغان. شېئىرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى بولۇپ، قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ماتېرىيال ئېلىش دائىرىسى كەڭ؛ دېموكراتىك ئىدىيىنى يېڭى شەكىلدە ئىپادىلەپ بېرەلىگەن. ياۋروپا-ئامېرىكا شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مەلۇم تەسىرى بار.

ۋىجاياناگار

  • ۋىجاياناگار[يەشمىسى:]»(Vijayanagar)، ئوتتۇرا ئەسىردە ھىندى دىنىنىڭ مۇرىتلىرى ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت (1336 - 1561). ھۆكۈمرانلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، براھمان سۇلالىسى بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇشقان. كرېشنادېۋا رايا (Kreshnadeva Raya) ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (1508 — 1530)، دۆلىتى ئەڭ كۈچىيىپ، زېمىنى تونجابادېرا دەرياسى بىلەن كرېشنا دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.گوئا،كالىكۇت(Calicut)، كوچىن (Cochin) قاتارلىق پورتلىرى بولۇپ، تاشقى سودىسى تەرەققىي قىلغان. جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسىدىن جېڭ خې كېمە ئەترىتىنى باشلاپ، بۇ يەرگە كۆپ قېتىم بارغان. پايتەختى ۋىجاياناگار (تونجابادېرا دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋېللارى-Vellary نىڭ يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، «غالىب شەھەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ). باي-ئاۋات، گۈللەنگەن شەھەر بولۇپ، ئاھالىسى 500 مىڭدىن ئاشقان. 1565-يىلى دېككان ئېگىزلىكىدىكى تۆت ئىسلام دۆلىتىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، پايتەختى خارابىلىققا ئايلانغان. كېيىن دۆلەت پارچىلىنىپ، تەدرىجىي ھالدا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن.

ۋىدوفدان ئاساسىي قانۇنى

  • ۋىدوفدان ئاساسىي قانۇنى[يەشمىسى:]» 1921-يىلى يۇگوسلاۋىيىدىكى سېربىيە بۇرژۇئازىيىسى تۈزگەن دۆلەت ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرۈش يولغا قويۇلىدىغان ئاساسىي قانۇن. «مۇقەددەس ۋىدوفدان بايرىمى» (6-ئاينىڭ 28-كۈنى) ماقۇللانغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1920-يىلى5-ئايدا يۇگوسلاۋىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتى سېربىيە «رادىكاللار پارتىيىسى» نى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھالدا مىللىي پارلامېنت يىغىنىنى ئېچىپ، ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقماقچى بولغان، ئەمما ئىتتىپاق تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كرۇدىيە ۋە سلوۋېنىيە قاتارلىق رايونلارنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1921-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى ئاساسىي قانۇننىڭ ئەڭ ئاخىرقى لايىھىسىنى ماقۇللاپ، «سېربىيە-كرۇدىيە-سلوۋېنىيە پادىشاھلىقى» ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ دەپ جاكارلىغان. ئاساسىي قانۇن مىللىي مۇستەقىللىك ھوقۇقى ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا تامامەن ئېتىبارسىز قارىغان. بۇ ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەملىكەت ئىچىدە چوڭ سېربىيىچىلىك كۈچىيىپ، مىللەتلەر ئارا زىددىيەت چوڭقۇرلاشقان.

ۋىرتانېن

  • ۋىرتانېن[يەشمىسى:]»(Attiri Ilmari Virtanen، 3791 - 5981). فىنلاندىيىلىك بىئو-خىمىك. 1919-يىلى خېلىسىنكى ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتور ئۇنۋانىنى ئالغان. كېيىن شۋېتسارىيە، گېرمانىيە ۋە شۋېتسىيىلەردە تەتقىقات بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان. 1924 — 1939-يىللاردا خېلىسىنكى ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى بولغان ھەمدە 1931 — 1939-يىللاردا سانائەت تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورلۇقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. 1939 — 1948-يىللاردا بۇ مەكتەپنىڭ بىئو-خىمىيە پروفېسسورى بولغان ھەمدە فىنلاندىيە بىئو-خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتىگەن. 3691 - 8491-يىللاردا فىنلاندىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئاقسىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئازوتنى بىئولوگىيىلىك تۇراقلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە دائىر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، سېرىق ماي ۋە پىشلاقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى ياخشىلىغان، ئۆسۈملۈكلەردىن كۆپ خىل يېڭى ئامىنو كىسلاتانى ئاجرىتىۋالغان، ئورىيانى سېغىن كالا يەم خەشىكىدىكى ئازوت مەنبەسى قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى تەتقىق قىلغان. يېزا ئىگىلىكى ۋە يېمەكلىكلەر خىمىيىسى جەھەتتىكى تەتقىقات ۋە كەشپىياتى، بولۇپمۇ ھۆل يەم-خەشەك ساقلاش ئۇسۇلىنى كەشپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، 1945-يىلى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ۋىرىياتۇس

  • ۋىرىياتۇس[يەشمىسى:]»(Viriathus ياكى Viriatus، مىلادىدىن ئىلگىرىكى — ? 139). لۇستانىيىلىكلەر قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى. پادىچى. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئىسپانىيىنىڭ لۇستانىيە (Lusitania، ھازىرقى پورتۇگالىيىدە) رايونىدا، خەلقنىڭ رىمغا قارشى تۇرۇپ مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى قوزغالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 150 يىل ئىلگىرى رىم گالبا (Sulpicius Galba) نى ئالداپ تەسلىم قىلىش ھەمدە باستۇرۇشقا ئەۋەتكەن؛ ۋىرىياتۇس لۇستانىيىلىكلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، توققۇز يىل جەريانىدا تاجاۋۇزچى قوشۇننى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. مىلادىدىن 141 يىل ئىلگىرى، رىمنىڭ مۇۋەققەت ھاكىمدارى فابىئۇس(Fabius Maximus) ۋىرىياتۇسنىڭ «پادىشاھ» لىقىنى ۋە لۇستانىيىنىڭ مۇستەقىللىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان. كېيىن رىملىقلار خائىنلارنى سېتىۋېلىپ، ۋىرىياتۇسنى قەتل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. 

ۋىزانتىيە

  • ۋىزانتىيە[يەشمىسى:]» (Byzantiam)(1) دۆلەت ئىسمى. يەنى «ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى»، (2) قەدىمكى يۇناندىكى مۇستەملىكە شەھەر. بوسفۇر بوغۇزىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان. قارا دېڭىزنىڭ مۇھىم جايىدا. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅶ ئەسىردە يۇنانلىقلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان. 330-يىلى رىم ئىمپېراتورى كونستانتىن Ⅰ پايتەختىنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ، نامىنى كونستانتىنوپولغا ئۆزگەرتكەن. 395-يىلى شەرقىي ۋە غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى رەسمىي بۆلۈنۈپ، شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ (ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى) پايتەختى بولغان. 1453-يىلى ئوسمان تۈركلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ۋە ئىسمى ئىستانبۇلغا ئۆزگەرتىلگەن. 

ۋىزانتىيە دېھقانچىلىق قانۇنى

  • ۋىزانتىيە دېھقانچىلىق قانۇنى[يەشمىسى:]»ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ يېزىلىرىدىكى ئادەت قانۇنلىرى توپلىمى. تەخمىنەن مىلادى Ⅷ ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن. مىلادى Ⅵ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە سلاۋىيانلارنىڭ زور بىر تۈركۈمى جەنۇبقا كۆچۈپ ۋىزانتىيە زېمىنىدا ئولتۇراقلىشىپ، يېزا جامائەسىنى قۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋىزانتىيە يېزا جامائەسىنىڭ قايتا گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «دېھقانچىلىق قانۇنى» Ⅶ ئەسىردىن Ⅷ ئەسىرگىچە بولغان مەزگىلدىكى ۋىزانتىيە يېزا جامائەسىنىڭ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن؛ تېرىلغۇ يەرلەر ئۈلۈشلۈك يەر قاتارىدا ھەرقايسى ئائىلىلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت پايدىلىنىشىغا بۆلۈپ بېرىلگەن؛ ئوتلاق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى، ئورمان ھەمدە باشقا تەۋە يەرلەر يېزا جامائەسىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان. تېرىلغۇ يەرلەر زىرائەتلەر يىغىۋېلىنىپ، كېلەر قېتىم تېرىلغىچە جامائەنىڭ ئورتاق چارۋىچىلىق مەيدانى قىلىنغان. يېزا جامائەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كەمبەغەل ۋە بايلارغا بۆلۈنۈش كېلىپ چىققان. كەمبەغەللەر ئۆزلىرىنىڭ ئۈلۈشلۈك يەرلىرىنى بايلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ، ئۆزلىرى ئوتارقچى دېھقانلارغا ئايلىنىپ كەتكەن، باي ئائىلىلەرگە ئالغان ھوسۇلنىڭ [SX(]1[]01[SX)] دىن [SX(]1[]2[SX)] ىگىچە تاپشۇرغان. بەزى كەمبەغەل ئائىلىلەر ھەتتا يەرلىرىدىن ئايرىلىپ، ياقا يۇرتلاردا سەرسان بولۇپ يۈرگەن. يېزا جامائەسىدىكى دېھقانلار دۆلەتكە يەر بېجى، جان بېجى قاتارلىق ئېغىر باج-سېلىقلارنى تاپشۇرۇشتىن سىرت ھاشارغا ئىشلىگەن. يېزا جامائەسىدىن باشقا، يېزىلاردا يەنە چوڭ يەر ئىگىلىرى بارلىققا كەلگەن ھەمدە داۋاملىق تۈردە دېھقانلارنىڭ ئۈلۈشلۈك يەرلىرىنى قوشۇۋالغان. مەزكۇر قانۇن بالقان يېرىم ئارىلىدىكى سلاۋىيان دۆلەتلىرىدىمۇ كەڭ قوللىنىلغان. تەخمىنەن 100 پارچىدەك سلاۋىيان يېزىقىدىكى قول يازمىلار ساقلاپ قېلىنغان. 

ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى

  • ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى[يەشمىسى:]»شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىدىكى باشقىچە ئاتىلىشى. جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا داكچىن ياكى فەرەنگى دەپ ئېلىنغان. مىلادى 395-يىلى، رىم ئىمپېرىيىسى شەرق ۋە غەرب ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى كونستانتىنوپول يۇناننىڭ قەدىمكى شەھىرى ۋىزانتىيىنىڭ ئاساسىدا قۇرۇلغاچقا، ئادەتتە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ياكى قىسقارتىپ ۋىزانتىيە دەپ ئاتالغان. زېمىنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۆپ ئۆزگەرگەن. دەسلەپ بالقان يېرىم ئارىلى، كىچىك ئاسىيا، سۈرىيە، پەلەستىن، مىسىر، مېسوپوتامىيە ھەمدە زاكاۋكازىيىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىمپېراتور يوستىنئان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلى (565 - 725) شىمالىي ئافرىقا (كارفاگېن)، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمى ئىمپېرىيىسىنىڭ تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋېلىنغان. Ⅵ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە قۇللار، بېقىندى دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە سلاۋىيانلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئارقىلىق، ۋىزانتىيە ئاستا-ئاستا قۇللۇق جەمئىيەتتىن فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئۆتكەن. Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەرەبلەر سىرتقا قوراللىق كېڭەيمىچىلىك قىلغانلىقتىن، ۋىزانتىيە دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى كۈنسېرى يامانلىشىپ كەتكەن. ئەرەبلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۈرىيە، پەلەستىن ۋە مىسىرنى بېسىۋالغان. Ⅺ ئەسىردە سەلجۇق تۈركلىرى كىچىك ئاسىيانىڭ كۆپ قىسمىنى ھەمدە سۈرىيە، پەلەستىن ئەتراپلىرىنى بېسىۋالغان. تۆتىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلى (4021 - 2021-يىللىرى) غەربىي ياۋروپادىكى فېئوداللار ۋىزانتىيە تېررىتورىيىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ھەمدە ئۇنىڭ پايتەختى كونستانتىنپولنى بېسىۋېلىپ لاتىن ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان، ۋىزانتىيىنىڭ قالدۇق كۈچلىرى كىچىك ئاسىياغا چېكىنىپ نىسىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. 1261-يىلى نىسىيە ئىمپېرىيىسى خەلقنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، لاتىن ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن فېئوداللىق زۇلۇم ئېغىرلىشىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ نامراتچىلىق ئىچىدە قالغان. ⅩⅣ ئەسىرگە كەلگەندە زېئالوت قوزغىلىڭى پارتلىغان (9431 - 2431). ھۆكۈمران گۇرۇھنىڭ ئىچكى نىزاسى توختىماي، سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىمۇ ئارقىدىن يۈز بېرىپ، دۆلەت كۈچى تېخىمۇ ئاجىزلاپ كەتكەن. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىن باشلاپ ئوسمان تۈركلىرىنىڭ ئېغىر تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرغان. 1453-يىلى تۈركلەر كونستانتىنوپولنى ئىشغال قىلىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى يوقالغان.

ۋىسكى ھارىقى ۋەقەسى

  • ۋىسكى ھارىقى ۋەقەسى[يەشمىسى:]»ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ھاراق بېجى يىغىشىغا قارشى قوزغىلىڭى. 1791-يىلى مالىيە مىنىستىرى خامىلتون ھاراق بېجى قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. لېكىن قانۇن پېنسىلۋانىيە، ۋېرگىنىيە ۋە شىمالىي كارولىنا قاتارلىق شتاتلاردىكى دېھقانلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتكەن، ھاراق بېجى ھەتتا ھاراق باھاسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا يەتكەن. 1794-يىلى پېنسىلۋانىيىنىڭ غەربىي چېگرىسىدىكى ۋىسكى ھارىقى ئىشلەپ چىقارغۇچى 200 دىن ئارتۇق دېھقان داۋىد برادفورد (David Bradford) نىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، قوزغىلاڭچىلار ئەھدىنامە تۈزۈپ، ھاراق بېجى تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان؛ ھاراق باجگىرلىرىنى قاتتىق ئۇرغان. 9-ئايغا كەلگەندە ھۆكۈمەت خامىلتوننىڭ باشچىلىقىدا قوشنا تۆت شتاتنىڭ 10 مىڭدىن ئوشۇق خەلق ئەسكىرىنى توپلاپ،قوزغىلاڭنى باستۇرغان.

ۋىست پونت ھەربىي مەكتىپى

  • ۋىست پونت ھەربىي مەكتىپى[يەشمىسى:]» Wnitedvtates Military Academy نىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. مەكتەپ نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ شىمالىدىن 80 كىلومېتر يىراقلىقتىكى ۋىست پونت (West Point) غا سېلىنغانلىقتىن مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. 1802-يىلى سېلىنغان بولۇپ، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ بىردىنبىر ئالىي ھەربىي مەكتىپى ھېسابلىناتتى. ھازىرمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە. 

ۋىستفارىيە سۈلھ شەرتنامىسى

  • ۋىستفارىيە سۈلھ شەرتنامىسى[يەشمىسى:]» 30 يىللىق ئۇرۇشنى (8461 - 8161) ئاياغلاشتۇرغان سۈلھ شەرتنامىسى. 1648-يىل 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋىستفارىيىنىڭ مۇنىستېر (Munster) شەھىرىدە ئىمزالانغان. ئىككى سۈلھ شەرتنامىدىن («ئوسنابرۇك سۈلھ شەرتنامىسى» ۋە «مۇنىستېر سۈلھ شەرتنامىسى») تەركىب تاپقان. شەرتنامىدە: شۋېتسىيە پۈتكۈل غەربىي پومېرانىيە ھەمدە شەرقىي پومېرانىيىنىڭ بىر قىسمى، ۋىسمار (Wismar) شەھىرى، برېمېن (Bremen)، ۋىردېن (Verden) دىن ئىبارەت ئىككى ئېپىسكوپ رايونىغا ئىگە بولىدۇ، فرانسىيە ئالساسنىڭ كۆپ قىسمىغا ئىگە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، 1552-يىلى فرانسىيە بېسىۋالغان مېتز (Metz)، توئۇل (Toul)، ۋېردۇن(Verdun) فرانسىيىگە تەۋە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. گېرمانىيە زېمىنىدىكى براندېنبۇرگ، ساكسېن، باۋارىيە قاتارلىق بىر قانچە بەگلىكنىڭ ھەممىسى زېمىنىنى كېڭەيتكەن. ئىتتىپاقداش بەگلىكلەر ئۆز تېررىتورىيىسىدە ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان. شۋېتسارىيىنىڭ مۇستەقىللىكى ئېتىراپ قىلىنغان. ئىسپانىيىمۇ گوللاندىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان. گېرمانىيىدىكى كالۋىن مۇرىتلىرى كاتولىك مۇرىتلىرى ۋە لوتېر مۇرىتلىرى بىلەن باراۋەر ئورۇننى قولغا كەلتۈرگەن. سۈلھ شەرتنامىنىڭ تۈزۈلۈشى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھابىسبۇرگ سۇلالىسىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، گېرمانىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن پارچىلىنىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان ھەمدە دېھقانلارنىڭ ئەھۋالىنى بارغانسېرى يامانلاشتۇرۇۋەتكەن.

ۋىستلېر

  • ۋىستلېر[يەشمىسى:]» (James Abbott Mc Neill Whistler، 3091 - 4381). ئامېرىكىلىق ماي بوياق رەسىم ۋە ئويما رەسىم رەسسامى. ماسساچۇسېت شتاتىدا تۇغۇلغان. بالىلىق چېغىدا دادىسى بىلەن بىللە روسىيىگە بارغان. 1851 — 1853-يىللاردا ئامېرىكىنىڭ ۋىست پوئىنت ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان. كېيىن ۋاشىنگتوندا ئامېرىكىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىنى ئۆلچەپ سىزىش خىزمىتىگە قاتناشقان. 1855-يىلى پارىژغا بېرىپ رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. 1859-يىلى لوندونغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. كۆپلىگەن رەسساملارنىڭ رەسىم ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئەمما ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىمۇ بار. «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» نى تەشەببۇس قىلغان. ئىجادىيەت ماھارىتىدە پۈتكۈل كۆرۈنۈشنىڭ كەيپىياتى ۋە رەڭ بېرىش بىلەن مەزمۇننىڭ بىردەكلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، سىزىقلار بىلەن رەڭنىڭ ماسلىشىشىنى تەكىتلىگەن. ئەسەرلىرى شەرق كەيپىياتىغا ئىگە ۋە قىزىقارلىق دەرىجىدە زىننەتلەنگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرى «ئانا»، «ئالتۇنرەڭلىكدەرپەردە»، «ئاق كىيىملىك قىزچاق»، «قارا ۋە سېرىق كېچە مەنزىرىسى» قاتارلىقلاردىن، مىس ئويما رەسىملىرى «ۋېنىزىيىنىڭ مەنزىرىسى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

ۋىشى ھۆكۈمىتى

  • ۋىشى ھۆكۈمىتى[يەشمىسى:]»ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فاشىستلار گېرمانىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى فرانسىيىنىڭ قورچاق ھۆكۈمىتى. گېرمانىيە 1940-يىلى 6-ئايدا پارىژنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، پېتائىن باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت گېرمانىيىگە تەسلىم بولغان، 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ھۆكۈمەت فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇب قىسمىدىكى شەھەر ۋىشى (Vichy) غا كۆچۈپ بارغان، شۇڭا ۋىشى ھۆكۈمىتى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭغا تەۋە «ئىشغال قىلىنمىغان رايون» فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، فرانسىيە زېمىنى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن. ۋىشى ھۆكۈمىتىنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ لاۋال، فلاندىن، دارلان قاتارلىقلار باشقۇرغان. ۋەتەن ساتقۇچلۇق سىياسەتنى ئىزچىل يۈرگۈزۈپ، ئىچكى جەھەتتە پەۋقۇلئاددە مىنىستىرلىك ۋە پەۋقۇلئاددە سوت قۇرۇپ، خەلقنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرىشىنى باستۇرغان، سىرتقا قارىتا فاشىستلار گېرمانىيىسىگە ئەگىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا قوشۇن ئەۋەتىپ قاتناشتۇرغان. 1942-يىلى 11-ئايدا، ۋىشى ھۆكۈمىتىگە تەۋە جايلارنىڭ ھەممىسى گېرمانىيە قوشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسى بىلەن فرانسىيە پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ بىرلەشمە زەربىسى ئاستىدا، 1944-يىلى 8-ئايدا تەختتىن چۈشكەن.

ۋىشىنىسكىي

  • ۋىشىنىسكىي[يەشمىسى:]»(Андрей Януарьевич Вышинский، 4591 - 3881). سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، خەلق كومىسسارىياتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (4491 - 9391). ئودىسسادىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كيېۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، مېنشېۋىكلار تەرەپتە تۇرغان. 1920-يىلدىن باشلاپ بولشېۋىك بولغان. 8291 - 5291-يىللاردا موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1935 — 1939-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەپتىش باشلىقى بولغان. 1939-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك (بولشېۋىك) پارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغان. سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭمۇئاۋىنمىنىستىرى(1940 — 1949)، مىنىستىرى (1949 — 1953)، بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرلىكىنى (1953 — 1954) ئۆتىگەن. مۇھىم خەلقئارا يىغىنلارغا كۆپ قېتىم قاتناشقان. «دۆلەت ۋە قانۇن نەزەرىيىسى ھەققىدىكى بىرقانچە مەسىلىلەر»، «خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا سىياسىتىدىكى بىرقانچە مەسىلىلەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ۋىكتورىئو ئىممانۇئىلⅠ

  • ۋىكتورىئو ئىممانۇئىلⅠ[يەشمىسى:]»يەنى «ئېممانۇئېل Ⅰ».

ۋىكتورىئو ئىممانۇئېلⅡ

  • ۋىكتورىئو ئىممانۇئېلⅡ[يەشمىسى:]»يەنى «ئېممانۇئېل Ⅱ».

ۋىكتورىئو ئىممانۇئېلⅢ

  • ۋىكتورىئو ئىممانۇئېلⅢ[يەشمىسى:]»يەنى «ئېممانۇئېلⅢ».

ۋىكتورىيە

  • ۋىكتورىيە[يەشمىسى:]»(Alexandrina Victoria، 1091 - 9181)، ئەنگلىيە كورۇلىۋاسى (1091 - 7381)، ھىندىستان كورۇلىۋاسى (1091 - 6781). كېنت گرافى ئىدۋارد (Edvard Augustus، 1767 — 1820) نىڭ قىزى. 18 ياش چېغىدا تاغىسى ۋېلھېلمⅣ نىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن ئوردا ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، پېئېل، دىسرائېلى قاتارلىق باش ۋەزىرلەر بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتكەن، ئەمما پالمېرىستون ۋە گلادستونلار بىلەن مۇناسىۋىتى ئانچە ئىناق بولمىغان. ئۇنىڭ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلى، ئەنگلىيە تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ئەنگلىيە تارىخىدىكى «ئالتۇن دەۋر» دەپ ئاتالغان. بۇ مەزگىلدە ئەنگلىيە سىرتقا تېز كېڭىيىپ، ناھايىتى زور مۇستەملىكە بەرپا قىلىپ، «كۈن پاتماس ئىمپېرىيە» دەپ نام ئالغان؛ سانائەت ۋە سودا تېز تەرەققىي قىلىپ، دۇنيا سودىسى ۋە سانائىتىدە بىر مەھەل مونوپوللۇق ئورۇننى ئىگىلىگەن.

ۋىكرامادىتيا

  • ۋىكرامادىتيا[يەشمىسى:]» (Vikramaditya). (1) ھىندىستان رىۋايەتلىرىدىكى ئۇلۇغ قەھرىمان. كېيىن نۇرغۇن پادىشاھلار ئۆزىنى مۇشۇ پەخرىي نام بىلەن ئاتىغان. (2) يەنى «چاندراگۇپتا Ⅱ».

ۋىكو

  • ۋىكو[يەشمىسى:]»(Giambattista Vico، 1668 — 1774). ئىتالىيىنىڭ ئىدېئالىزملىق تارىخ پەيلاسوپى. نېئاپول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئۇ بىلىم بىلەن ھەرىكەتنىڭ زىچ باغلىنىشلىق بولىدىغانلىقى، ھەرىكەت بولغاندىلا ئاندىن بىلىم بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ماھىيەتلىك نەرسە ياساپ چىقىلغان نەرسىدۇر» (لاتىنچە Verum factum) دېگەن. ئادەم تارىخنى يارىتىدۇ، شۇڭلاشقا تارىخنى توغرا بىلىپ، تارىخنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تېپىپ، ئۇنى «يېڭى پەن» گە ئايلاندۇرالايدۇ، دەپ قارىغان. ئۇ قەدىمكى زامان ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى دىن تۇرمۇش شەكلى، ئۆرپ-ئادەت، ئىجتىمائىي سىياسىي تۈزۈمنى تارىخىي سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى شەرھلىگەن ھەمدە مۇشۇ ئاساستا تارىخىي ئايلىنىش پەلسەپىسىنى بەرپا قىلغان. ئۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئىپتىدائىي ياۋايىلىق دەۋرى (ئۇ چاغدا تارىخ بولمايدۇ) دىن ئىلاھ دەۋرى (دۆلەت پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنقى دەۋر)، قەھرىمانلار دەۋرى (فېئودال ئاقسۆڭەكلەر دەۋرى) ئارقىلىق ئىنسان تەبىئىتى دەۋرى (خەلق جۇمھۇرىيىتى، «ئىنسانپەرۋەر سۇلالە» ۋە ئەقلىيلىك دەۋرى) گە بارىدۇ. جەمئىيەت ئەڭ ئالىي باسقۇچقا يەتكەن ھامان، ئۆزلۈكىدىن پارچىلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن يەنە ياۋايىلىق دەۋرىدىن باشلىنىدۇ. بۇنداق دەۋر قىلىپ ئايلىنىش توختاپ قالمايدۇ، دەپ قارىغان. ئەمما ۋىكونىڭ ئايلىنىش نەزەرىيىسى قەدىمكى يۇنان، رىمنىڭ ئۈمىدسىزلىك ئايلىنىش نەزەرىيىسىدىن پەرقلىنىدۇ. ئۇ ھەربىر يېڭى دەۋرنىڭ تەرەققىياتى ئالدىنقى دەۋرگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇ يەنە ئىستېتىكىنى تارىخىي تەرەققىيات نۇقتىئىنەزەرىدىن تەتقىق قىلىپ، «قەھرىمانلار دەۋرى» دە، ئادەملەر ئەسلى تەبىئىتى بويىچە ئېيتقاندا شائىر بولىدۇ. مەسىلەن: گومېر داستانى شۇ دەۋردىكى خەلقنىڭ كوللېكتىپ ئىجادىيىتى بولۇپ، گومېرنى ئۇنىڭ بىردىنبىر ئاپتورى دېيىشكە بولمايدۇ؛ شېئىرىي پائالىيەت ئوبرازلىق تەپەككۇر پائالىيىتىدۇر، ئەمما «ئاددىي ئادەم» دەۋرىگە بارغاندا، شېئىر پەلسەپەگە ئورۇن بوشىتىدۇ، ئوبرازلىق تەپەككۇر ئابستراكت تەپەككۇرغا ئورۇن بوشىتىدۇ، دەپ قارىغان. ۋىكونىڭ تارىخ پەلسەپىسى يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ⅩⅨ ئەسىردىكى ئىلغار مۇتەپەككۇرلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئىگە بولغان ھەمدە ماركسنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسىرى «مىللەتنىڭ ئورتاقلىقى ھەققىدىكى يېڭى ئىلمىي قائىدە» دىن ئىبارەت.

ۋىكونت

  • ۋىكونت[يەشمىسى:]»فرانسۇز تىلىدا «Vicomte» دېيىلىدۇ. ئەسلى فرانك پادىشاھلىقىدىكى كارولىن خاندانلىقىنىڭ ئەمەلدارى، گرافنىڭ ياردەمچىسى، شۇڭا مۇئاۋىن گرافمۇ دېيىلىدۇ. Ⅹ ئەسىردىن Ⅺ ئەسىرگىچە چوڭ فېئودال بولغان. ھاكىمىيەت كۈچەيتىلگەندىن كېيىن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۇنۋانىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ ئورنى گراف بىلەن بارون ئارىلىقىدا. كېيىن ئەنگلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ساقلىنىپ كەلگەن.

ۋىكسېل

  • ۋىكسېل[يەشمىسى:]»(Johan Gustaf Knut Wicksell، 1851 — 1926)، شۋېتسىيىلىك ئىقتىسادشۇناس، شۋېتسىيە ئىقتىساد ئىلمىي ئېقىمىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1885 — 1890-يىللاردا ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بىلىم ئاشۇرغان. 1904-يىلدىن باشلاپ ئۇزاق مۇددەت لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىنى ئۆتىگەن. 1916-يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، تەتقىقات بىلەن مەخسۇس شۇغۇللانغان. ئۇ چەكلىك ھالدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلىدىغان قىممەت نەزەرىيىسى، چەكلىك ھالدا ئىشلەپچىقىرىش نەزەرىيىسى ۋە ئومۇمىي تەڭپۇڭلۇق نەزەرىيىسىدىن پايدىلىنىپ، پۇل، ئامانەت-قەرز ۋە ئۆسۈم نىسبىتىنى تەتقىق قىلغان. كېينېس ۋە ۋېنا ئىقتىساد ئىلمىي ئېقىمىغا تەسىر كۆرسەتكەن. يېڭى مالتۇس نوپۇس نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۇغۇتقا چەك قويۇش ۋە ئاھالە كۆچۈرۈش ئارقىلىق نوپۇس بېسىمىنى ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. «پايدا بىلەن قىممەت»، «مالىيە نەزەرىيىسى تەتقىقاتى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ۋىگ پارتىيىسى

  • ۋىگ پارتىيىسى[يەشمىسى:]» (1) ئەنگلىيىدىكى سىياسىي پارتىيە. ۋىگ «Whig» ئەسلىدە شوتلاندىيە قاراقچىلىرىنى كۆرسىتەتتى. كېيىن يەنە جاھىل ئاقساقاللار گۇرۇھىدىكى دىن مۇرىتلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولغان. توري پارتىيىسىدىكىلەر پارلامېنتتا بۇ سۆز ئارقىلىق ئۆكتىچىلەرنى ھاقارەتلىگەن، ئۆكتىچىلەرمۇ بارا-بارا ئۆزىنى مۇشۇ نام بىلەن ئاتىغان.ئۇلار 1679 — 1682-يىللاردا پارلامېنتتىكى بىر پارتىيە-گۇرۇھ بولۇپ شەكىللىنىپ، ئاساسەن بۇرژۇئازىيىلەشكەن ئاقسۆڭەكلەر ۋە چوڭ سودا، پۇل-مۇئامىلە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. بۇ پارتىيە يامېس Ⅱ نىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، 1688-يىلىدىكى «شانلىق ئىنقىلاب» نى قوزغاشتا ئاساسىي كۈچ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل ھالدا ئەنگلىيىنىڭ سىياسىي ساھەسىنى ئۆز چاڭگىلىدا تۇتۇپ كەلگەن.ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشقا پارتىيىلەر بىلەن قوشۇلۇپ، لىبېراللار پارتىيىسىگە ئايلانغان. (2) شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرنىڭ مىتروپولىيە دۆلەت ئەنگلىيىدىن ئايرىلىشىنى تەشەببۇس قىلغۇچى كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. (3) ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئامېرىكا پارتىيىسى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، بۇرژۇئازىيە بىلەن ئېكىنزارلىق قۇلدارلىرىنىڭ زىددىيىتى كۈنسايىن ئۆتكۈرلىشىپ، دېموكرات جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1828-يىلقى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا جېكسون كونا-يېڭى قۇلدارلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، بۇ گۇرۇھ دېموكراتلار پارتىيىسى دەپ ئاتالغان. ئۇدا زۇڭتۇڭ بولۇش ئۈچۈن سايلامدا رىقابەتلەشكەن ئادامىس سودا-سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ تەشەببۇسلىرىغا قارشى تۇرغان، بۇ گۇرۇھ دۆلەت جۇمھۇرىيەتچىلەر گۇرۇھى دەپ ئاتىلىپ،1834-يىلى نامىنى ۋىگ پارتىيىسىگە ئۆزگەرتكەن. 1860-يىلى ئاساسىي قانۇنلۇق قوشما شتات پارتىيىسى دەپ ئاتالغان، كېيىن سىياسىي سەھنىدىن چېكىنىپ چىققان. ئۇ ھازىرقى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ تەكتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ۋىنستانلېيGerrard)

  • ۋىنستانلېيGerrard)[يەشمىسى:]» Winstanley، تەخمىنەن 1609 — 1652) ⅩⅦ ئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى يەر قازغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى، خىيالىي كوممۇنىزمچى. 1649-يىلى 3-ئايدا سېرراي (Serrai) ۋىلايىتىدە «ئەنگلىيىدىكى ئېزىلگەن نامراتلار خىتابنامىسى» نى ھەممىدىن ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنىڭ بىلەن يەر قازغۇچىلار ھەرىكىتى باشلانغان ھەمدە 1649-يىلدىكى شەھەر-يېزا نامراتلىرىنىڭ كوللېكتىپ بوز يەر ئېچىش ھەرىكىتىنى ئاكتىپ قوللىغان. ئۇ بارلىق ئۇرۇشلار، قان تۆكۈش، ئوغرىلىق ۋە خەلقنى يوقسۇللۇققا گىرىپتار قىلغان قۇل قىلىش خاراكتېرلىك قانۇنلارنىڭ مەنبەسى خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكتىن ئىبارەت، دەپ قاراپ، يەرنىڭ ئومۇم ئىگىدارچىلىقىدا بولۇشىنى، ھەممەيلەننىڭ ئەمگەك قىلىشىنى، ھوقۇقتا باراۋەر بولۇشىنى، دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. فېئوداللىق ئېزىش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇشنى تەلەپ قىلىپ، بۇرژۇئازىيە بىلەن يېڭى پومېشچىكلارنىڭ خەلق ئىنقىلابىنىڭ مېۋىلىرىنى تارتىۋالغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئەمما خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى قورال كۈچى ئارقىلىق يوقىتىشقا چاقىرمىغان، بەلكى پەقەتلا ئوتوپىيىلىك جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش پىلانىنى تەشۋىق قىلغان ۋە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئۇنىڭ يەنە «يېڭى ئادالەت قانۇنى»، «ئەركىنلىك قانۇنى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ۋىندوبونا

  • ۋىندوبونا[يەشمىسى:]»(Vindobona)، پاننونىيىدىكى قەدىمكى شەھەر. يەنى ھازىرقى ۋېنا. دۇناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا بىنا قىلىنغان. دەسلەپتە كېلتلار ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ، كېيىن رىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى مۇھىم شەھەرگە ئايلانغان. رىم ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردىن مىلادى Ⅴ ئەسىرگىچە)، رىمنىڭ دۇناي دەرياسىدا تۇرۇشلۇق فلوتىنىڭ ئاساسىي بازىسى ۋە ئارمىيىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى، شىمالىي چېگرىنى قوغدايدىغان تايانچ بازىسى بولغان. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھون ئىمپېراتورى ئاتتىلا تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىپ، كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن؛ لومباردىيىلىكلەر ئىشغال قىلىۋالغان مەزگىلدىمۇ، ئاۋات بولۇۋەرگەن. رىم ئىمپېراتورى، ستوئىكوي ئېقىمىدىكى پەيلاسوپ ماركۇس ئاۋرېلۇس ھەربىي يۈرۈش ئۈستىدە مۇشۇ يەردە ئۆلگەن (مىلادى 180-يىلى).

ۋىنىتسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى

  • ۋىنىتسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى[يەشمىسى:]»ⅩⅧ —ⅩⅤ ئەسىرلەردىكى ۋىنىتسىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇش يەتتە قېتىم بولغان: (1463 — 1479، 1499 — 1502، 1538 — 1540، 1570 — 1573، 1645 — 1669، 1684 — 1699، 1714 — 1718). ۋىنىتسىيە جۇمھۇرىيىتى نېئاپول پادىشاھلىقى، ئىسپانىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە رىم پاپاسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. 1571-يىلى 10-ئايدىكى لېپانتو دېڭىز ئۇرۇشىدا تۈركىيە فلوتى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. لېكىن تۈركىيە ئومۇمىي ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىن ئېيتقاندا ئۈستۈنلۈك ئورۇندا تۇرۇپ، ۋىنىتسىيىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى بارلىق يەرلىرىنى، جۈملىدىن سىپرۇس ئارىلى، كرىت ئارىلى ھەمدە پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىنىڭ بويىدىكى بىر قىسىم يەرلەرنى تارتىۋالغان. تۈركىيە بىلەن بولغان كۆپ قېتىملىق ئۇرۇش ۋىنىتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارا-بارا زەئىپلىشىپ كېتىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ۋىنكلېر

  • ۋىنكلېر[يەشمىسى:]»(Hugo Winkler، 1863 — 1913)، گېرمانىيىلىك ئاسسۇرىيە شۇناس، ئارخېئولوگ. بېرلىن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1906 — 1907-يىللاردا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىنى باشلاپ، قەدىمكى ھىتت دۆلىتىنىڭ پايتەختى خاتتۇشاشنى قېزىپ، كۆپلىگەن مىخ يېزىق سېغىز تاختىلىرىنى تاپقان. ئۇ ئۆمۈربويى شەرقتىكى قەدىمكى دۆلەتلەرنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، فان بابىلونىزم ئىلمىي ئېقىمىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلىگە ئايلانغان. ئۇ خاتا ھالدا بارلىق قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بابىلوندىن تارقالغان، دەپ قارىغان. «بابىلون ۋە ئاسسۇرىيە تارىخى» دېگەن ئەسىرى بار.

ۋىنوگرادوۋ Павил

  • ۋىنوگرادوۋ Павил[يەشمىسى:]» Гаврилович Виноградов، 1854 — 1925)، روسىيىلىك تارىخشۇناس. موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، 1884-يىلىدىن باشلاپ بۇ مەكتەپنىڭ پروفېسسورى بولغان ۋە ئاسپېرانتلار سىنىپىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ساۋىن قاتارلىق بىر تۈركۈم روسىيە تارىخشۇناسلىرىنى يېتىشتۈرگەن. كېيىن مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن ئارازلىشىپ قېلىپ، 1902-يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئەنگلىيىگە كەتكەن. 1903-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىغا تەيىنلەنگەن ۋە ئوتتۇرا ئەسىر جەمئىيىتى تارىخىدىن دەرس بەرگەن ۋە ئاسپېرانتلار سىنىپىغا مەسئۇل بولغان. 1908-يىلى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېڭىباشتىن قايتىپ بېرىپ دەرس ئۆتكەن ھەمدە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس ئۆتۈشنىمۇ داۋاملاشتۇرغان. 1914-يىلى روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلانغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئەنگلىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرىپ، يەنىلا ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە كۆپلىگەن تارىخىي ھۈججەتلەر مەجمۇئەلىرىنىڭ نەشىر قىلىنىشىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. غەربىي ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەنگلىيىنىڭ قورۇق تۈزۈمى ۋە يانچىلىق تۈزۈمىنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ چىقارغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى «ئوتتۇرا ئەسىر ئەنگلىيە جەمئىيىتىنىڭ تارىخى توغرىسىدا تەتقىقات»، «ئەنگلىيىدىكى يانچىلار»، «Ⅺ ئەسىردىكى ئەنگلىيە جەمئىيىتى»، «ئەنگلىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر قورۇقلىرى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ۋىن ۋۇۋاڭ

  • ۋىن ۋۇۋاڭ[يەشمىسى:]» چاۋشيەن سىللا پادىشاھى (661 — 681)، فېئودال دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرگۈچى. فامىلىسى جىن، ئىسمى فامېي. تەيزۇڭ ۋۇلېيۋاڭنىڭ ئوغلى. مىلادى 650-يىلى تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچىلىككە بارغان، تاڭ سۇلالىسىنىڭ تۈزۈمىنى، مەدەنىيىتىنى ئېلىپ كىرگەن. 654-يىلى ھەربىي مەھكىمىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇرۇشى ئۈچۈن ھەربىي كۈچلەرنى توپلىغان. 655-يىلى ۋەلىئەھد بولغان. 660-يىلى دادىسىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ پېكچىنى يوقاتقان. يەنە پېكچىنىڭ قايتا گۈللىنىش ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. خانلىق تەختىگە چىققاندىن كېيىن، 663-يىلى جىن گېڭشىن قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئارمىيىسىنى باشلاپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن بەيسۇن دەريا ئېغىزىدا پېكچىگە ياردەمگە كەلگەن ياپون دېڭىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 668-يىلى قوشۇنىنى باشلاپ تاڭ قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ كورىيىنى مەغلۇپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، پېكچى، كورىيىلەرنىڭ بۇرۇنقى جايىدىكى خەلقلەرنىڭ تاڭ سۇلالىسىگە قارشى كۈرىشىنى قوللاپ، 670-يىلى پېكچىنىڭ بۇرۇنقى يەرلىرىنى قايتۇرۇۋالغان. 675-، 676-يىللىرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن كەسكىن ئۇرۇشۇپ، تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. تەختتىكى مەزگىلىدە، بۇيرۇقنى رەت قىلغان، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغان ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. يەرلىك، تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ئىشلىتىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرگەن، قانۇن تۈزۈمنى تۇرغۇزۇپ خانلىق ھوقۇقنى مۇستەھكەملىگەن. ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ۋىن ۋۇۋاڭ نامى بېرىلگەن.

ۋىۋېكاناندا Swami)

  • ۋىۋېكاناندا Swami)[يەشمىسى:]» Vivekananda،1862 — 1902) سانسكرىت تىلىدىكى مەنىسى خۇشاللىقنى پەرق ئېتىش. ھىندىستاننىڭ ئاتاقلىق پەيلاسوپى، بۇرژۇئازىيە مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ مۇتەپپەككۇرى. ئەسلى ئىسمى ناراندرانات داتتا (Narandranath Datta). 1883-يىلى ھىندىستاننىڭ كالكوتتا ئۆلكىلىك ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن قانۇن ئوقۇغان ۋە غەرب پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلغان. سانسكرىت تىلىنى پىششىق ئىگىلىگەن. يوگاكارا مەزھىپىنىڭ نومى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، جاينا دىنى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىنى چوڭقۇر تەھسىل قىلغان. كېيىن براھمان جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاخىرىدا راماكرىشنانىڭ مۇرىتىغا ئايلانغان. 1893-يىلى ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە ئېچىلغان دۇنيا دىنى يىغىنىغا قاتناشقان ھەمدە ئامېرىكا، ئەنگلىيىلەردە كۆپ قېتىم دىنىي ۋە ئىلمىي نۇتۇق سۆزلەپ، ۋېدانتا مەزھىپىنىڭ تەلىماتىنى تەرغىپ قىلىپ، غەربتە زور تەسىر پەيدا قىلغان. 1896-يىلى نيۇ-يوركتا ۋېدانتا تەتقىقات جەمئىيىتىنى تەسىس قىلغان. 1897-يىلى كالكوتتىدا راما كىرىشنا دىن تارقىتىش جەمئىيىتىنى قۇرغان. 1899-يىلى ھىندىستان دىنىي پەلسەپىسىنىڭ «ئىككى بولماسلىق نەزەرىيىسى» ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا تەييارلىق قىلغان. ئۇ «يېڭى ۋېدانتا مەزھىپىنىڭ» باش تەشەببۇسچىسى دەپ قارىلىدۇ. مىللىي سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللىي مەدەنىيەتنى جارى قىلدۇرۇش، «ئىجتىمائىي زالىم پادىشاھ» لارنى قوغلاپ چىقىرىش، دىنىي قارىمۇقارشىلىقنى ۋە تائىپە ئارازلىقىنى يوقىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى «ھەرىكەت يوگاكاراسى»، «شاھ يوگاكاراسى»، «ئەقىل يوگاكاراسى»، «ۋېدانتا پەلسەپىسى»، «ھازىرقى ھىندىستان»، «شەرق ۋە غەرب»، «قەدىمكى ھىندىستان داستانى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ۋىۋىئانى

  • ۋىۋىئانى[يەشمىسى:]»(Rene Viviani، 1863 — 1925). فرانسىيىنىڭ زۇڭلىسى (1914 — 1915). ئالجىرىيىدىكى بىر ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تۆمۈريول ئىشچىلىرىنىڭ ئادۋوكاتى، «كىچىك جۇمھۇرىيەت گېزىتى» نىڭ باش تەھرىرى بولغان. 1893 — 1902-يىللاردا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىش توغرىسىدىكى قانۇنغا قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرگەن. 1904-يىلى «ئىنسانپەرۋەرلىك گېزىتى» نى تەسىس قىلىشقا قاتناشقان، ئۇنىڭدىن كېيىن فرانسىيە بىرلەشكەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى (ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالىنىڭ فرانسىيە ياچېيكىسى) دىن چېكىنىپ چىقىپ، سوتسىيال جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە كىرگەن. 1906-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا يېڭىباشتىن سايلىنىپ، دىنىي ھوقۇقچىلىققا قارشى كۈرەشتە مۇھىم رول ئوينىغان. كېيىن بۇرژۇئازىيە ھۆكۈمىتىگە قاتناشقان. 1906-يىلىدىن باشلاپ ئىككى نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېتنىڭ ئەمگەك مىنىستىرلىكىنى ئۆتىگەن ھەمدە بىرىئاد ۋە مىللېراندلار بىلەن بىرلىكتە «مۇستەقىل سوتسىيالىستلار» ئىچكى كابىنېتىنى تەشكىل قىلغان. 1913 — 1914-يىللاردا مىللىي مائارىپ مىنىستىرى بولغان. ئىككىنچى يىلى 6-ئايدا زۇڭلىلىققا تەيىنلەنگەن. 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىنى جاكارلىغان، 26-كۈنى ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، دېلكاسسېي، برىئاند، دوئۇمېرگۇئې، مىللېراند قاتارلىق سوتسىيالىستلار بىلەن «مۇقەددەس ئىتتىپاق» ئىچكى كابىنېتىنى قۇرغان. كېيىن يەنە ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان (1915 — 1917) ھەمدە فرانسىيىگە ۋەكىل بولۇپ، خەلقئارا ئىتتىپاق ۋە ۋاشىنگتون يىغىنىغا قاتناشقان. 1922 — 1925-يىللاردا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

ۋىي ۋاسا

  • ۋىي ۋاسا[يەشمىسى:]»ماداغاسقاردىكى تۇنجى مىللەتچى مەخپىي تەشكىلات. ماداغاسقار يېزىقىدىكى Vy (تۆمۈر)، Vato (تاش)، Sakelika (دەرەخ شېخى) دىن ئىبارەت ئۈچ سۆزنىڭ باش بوغۇمىدىن تەركىب تېپىپ، قىسقارتىپ «VVS» دەپ يېزىلىدۇ، ئاھاڭ تەرجىمىسى «ۋېي ۋاسا» دەپ ئوقۇلىدۇ. مەنىسى مۇستەھكەم، ساپ ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتى دەرەخ شېخىغا ئوخشاش باراقسان دېگەنلىك بولىدۇ. 1912-يىلى پايتەخت تانانارىۋودىكى تىببىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قۇل قىلىشىغا قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش، مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن نۇرغۇن شەھەرلەر ۋە ئاھالە ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئۇنىڭ ياچېيكىلىرى قۇرۇلغان. 1915-يىلى فرانسىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.

ۋىلاداي قوزغىلىڭى

  • ۋىلاداي قوزغىلىڭى[يەشمىسى:]» يەنى «رادومىر قوراللىق قوزغىلىڭى».

ۋىللاFrancisco Villa

  • ۋىللاFrancisco Villa[يەشمىسى:]»( ياكى Pancho Villa، 1877 — 1923) ئەسلى ئىسمى دوروتېئو.ئارانگو(Doroteo Arango)، 1910 — 1917-يىللاردىكى مېكسىكا بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى شىمالدىكى دېھقانلار ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى. قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىدىكى قۇلدىن كېلىپ چىققان،1910-يىلى ئامېرىكا-مېكسىكا چېگرىسىدىكى چىۋاۋا(Chihuahua) شتاتىدا دېھقانلار قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، 1911 يىلى جۇئارىز (Juarez) شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. دىئازمۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان. 1913-يىلى دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان «شىمال دىۋىزىيىسى» نى قۇرۇپ، شۇ يىلى خۇئېرتا (Victoriano Huerta، 1854 — 1916) نى ئاغدۇرۇش كۈرىشىگە قاتناشقان. 1914-يىلى زاپاتا بىلەن بىرلىشىپ، پايتەخت مېكسىكا شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. بىراق، ئىككىنچى يىلى پايتەختتىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. ئامېرىكا مېكسىكىغا قوراللىق ئارىلاشقان مەزگىلىدە (1916 — 1917) تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۈرەشكە ئاكتىپ قاتناشقان. كېيىن يەنە ھۆكۈمەتكە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان،1923-يىلى ئەكسىيەتچىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

ۋىللان Villan

  • ۋىللان Villan[يەشمىسى:]» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئاخىرقى مەزگىلدىكى لاتىنچە Villaniدىن كېلىپ چىققان. (1) غەربىي ياۋروپانىڭ فېئوداللىق دەۋرىدىكى دېھقانلار. مىلادى Ⅸ ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن. فرانسىيە، گېرمانىيىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە ئىتالىيىدە ئۇلارنىڭ ئورنى سېرفلار (كرىپوستنوي دېھقانلار) دىن يۇقىرى بولغان. جىسمانىي ئەركىنلىككە ئىگە بولۇپ، ئۆزى ئىگىلىگەن ئۈلۈش يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولغان، باشقا خوجىلىق يەر ئىگىسىنىڭكىگە كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنغان. ئەمما قانداقلا يەرگە بارمىسۇن، يەر مۇناسىۋىتى جەھەتتە بەرىبىر خوجىلىق يەر ئىگىسىگە بېقىنىپ، ئۇنىڭغا يەر ئىجارىسى ئۈچۈن پۇل ياكى نەرسە تاپشۇرۇشقا، ئازراق ئەمگەك قىلىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان شۇنداقلا يەنە دۆلەت بېجى ۋە ئۆشرە تاپشۇرغان. ⅩⅣ — Ⅺ ئەسىرلەردە ئۇلارنىڭ سانى كۆپلەپ ئاشقان، ئۇنىڭ مەنبەسى بۇرۇنقى قۇللار، يېرىم ئەركىن دېھقانلار ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشكەن سېرفلاردىن ئىبارەت بولغان. (2) ئەنگلىيىدە كرىپوستنوي دېھقانلارنىڭ ئاتىلىشى.

ۋىللانوۋا مەدەنىيىتى

  • ۋىللانوۋا مەدەنىيىتى[يەشمىسى:]» يىراق قەدىمكى زاماندىكى ئىتالىيىنىڭ تۆمۈر قورال دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مەدەنىيىتى. مىلادىدىن 1000 يىل ئىلگىرى يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى (تەخمىنەن مىلادىدىن 1000 — 700 يىللار ئىلگىرى) دە، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئېترۇرىيە ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى لاتىئۇم ئەتراپىغا تارقالغان بولۇپ، بولوگنا شەھىرى ئەتراپىدىكى ۋىللانوۋا (Villanova) كەنتىدىن تېپىلغانلىقى (ⅪⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تېپىلغان) ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاھالىسى (ئۇمبىرىلار ۋەكىللىك قىلىدۇ) تۆمۈر قوراللارنى ئىشلىتىشكە باشلاپ، تېرىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. تۇرۇشلۇق جايىدا مۇستەھكەم تاملار بولغان (قورغانلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ). تېرامارا مەدەنىيىتىگە ئوخشاش، كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش ۋە جەسەت كۈلىنى كوزىغا سېلىپ قويۇش ئادىتى بار. ئادەتتە ئىتالىيە ۋىللانوۋا مەدەنىيىتىدىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا سىنىپىي جەمئىيەتكە كىرگەن، دەپ قارىلىدۇ.

ۋىلايەت بېگى

  • ۋىلايەت بېگى[يەشمىسى:]» ياپونىيىدىكى تايكا يېڭىلىقىدىن كېيىنكى ۋىلايەتنىڭ ئاساسىي ئەمەلدارى. ۋىلايەت بەگلىك بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك يەرلىك مەمۇرىي رايون. بۇ ئەمەلگە كۆپىنچە يەرلىك زومىگەرلەر قويۇلغان، ۋارىسلىق تۈزۈمى قوللىنىلغان. «داباۋ قانۇنى» بويىچە چوڭ بەگ، كىچىك بەگ، مەمۇرىي باشقۇرغۇچى، ھېسابات باشقۇرغۇچى دېگەن تۆت دەرىجىگە بۆلۈنگەن، ئۇلاردا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى، نەزىر-چىراق ھوقۇقى، دېھقانچىلىققا رىغبەتلەندۈرۈش ھوقۇقى قاتارلىقلار بولغان. ئۇلارنىڭ بالىلىرى بەگلىك مەكتىپىگە كىرەلىگەن، مۇناسىپ ئەمەلدارلىق يېرىگە ئىگە بولغان. ئۇ ئەمىر-پەرمانلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسى. پىڭئەننىڭ ئوتتۇرا دەۋرلىرىدىن كېيىن، قورۇق تۈزۈمىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدا، ئومۇمەن ۋىلايەت بېگى ئىسمى بار، جىسمى يوق بولۇپ قالغان، بەزىلىرى پۇقرالار بىلەن بىرلىشىپ دۆلەت بېگىگە قارشى تۇرۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى قورۇق ئەمەلدارلىرى ۋە سامورايلار بولۇپ قالغان.

ۋىلدې

  • ۋىلدې[يەشمىسى:]» (Oscar Wilde، 1856 — 1900) ئەنگلىيىلىك ئېستېتىزم ۋە دېكادېنت ئەدىبى. ئېرلاندىيىدە دوختۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئوكسفورد داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىل-دە ئېستېتىزمچى روسكىن (John Ruskin، 1819 — 1900) ۋە پاتېر (Walter Pater، 1839 — 1894) لارنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» كۆزقارىشىنى تەرغىپ قىلىپ، ئەدەبىيات سەنئەت ئىجادىيىتى تۇرمۇشقا بېقىنمايدۇ، ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسىگىمۇ ئۇچرىمايدۇ دەپ قارىغان. كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ نامۇۋاپىقلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، لېكىن كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك تەربىيىسىنى كۈچەيتىشنى جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى دەپ تونۇغان. 1882-يىلى بىرىنچى شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان. 1895-يىلى قائىدە-يوسۇنلارغا دەخلى يەتكۈزگەنلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىككى يىل قامالغان. تۈرمىدىن بوشانغاندىن كېيىن پارىژغا كۆچۈپ بارغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى: چۆچەكلەر توپلىمى «خۇشال شاھزادە»، درامىلىرىدىن «ۋىندىمىرخانىمنىڭ يەلپۈگۈچى»، «غايىۋى ئەر»، «سالېمى»، ھېكايە «توگلېن، گىرىينىڭ سۈرىتى» ھەم ماقالىسى «ئىغۋانىڭ زاۋالغا يۈز تۇتۇشى» قاتارلىقلار.

ۋىلسون Thomas Woodrow

  • ۋىلسون Thomas Woodrow[يەشمىسى:]» (Wilson، 1856 — 1924). ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى (1913 — 1921). دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. پرىنسېتون داشۆسى، ۋېرگىنىيە داشۆسى ۋە خوپكېنىس داشۆسى تەتقىقات ئورنىدا ئوقۇغان. كېيىن ئادۋوكات بولۇپ ئىشلىگەن. 1890 — 1902-يىللىرى پرىنسېتون داشۆسىنىڭ قانۇنشۇناسلىق، سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ پروفېسسورى بولغان، 1902 — 1910-يىللىرى مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1911 — 1912-يىللىرى يېڭى جېرسى شتاتىنىڭ شتات باشلىقى بولغان. 1912-يىلى «يېڭى ئەركىنلىك» شوئارى ئارقىلىق زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىللىرى تاموژنا بېجىنى كېمەيتىپ، تاپاۋەتكە قاراپ ئېشىپ بارىدىغان باج قانۇنى، تۆمۈريول ئىشچىلىرىنىڭ سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمى قاتارلىقلارنى يولغا قويغان. 1917-يىلى 4-ئايدا گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. ئىككىنچى يىلى 1-ئايدا خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى «ئون تۆت نۇقتىلىق» پروگراممىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1919-يىلى 1-ئايدا پارىژ يىغىنىغا قاتناشقان، يىغىندا ياپونىيە بىلەن مۇرەسسەگە كېلىپ، جۇڭگونىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلغان. كېڭەش پالاتاسىدىكى «يەككىچىلىك تەرەپدارلىرى» بىلەن قارشىلىشىپ «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش ۋە خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى رەت قىلىپ، خەلققە جاكارلاپ، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش مەقسىتىدە مەملىكەتنى ئايلىنىپ يۈرۈپ تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. سەپەر ئۈستىدە ئاغرىپ قېلىپ، مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. ۋىلسوننىڭ «گېئورگې ۋاشىنگتون»،«ئامېرىكا خەلقىنىڭ تارىخى» ۋە «ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ۋىلسون ۋەقەسى

  • ۋىلسون ۋەقەسى[يەشمىسى:]» فرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋىلسوننىڭ ھەربىي شەرەپ ئوردېنىنى سېتىۋەتكەنلىك سەتچىلىكى. ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋىلسون (Daniel Wilson، 1840 — 1919) ئۇزۇن مۇددەت زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئىلسې ئوردىسىدا ھەربىي شەرەپ ئوردېنىنى قانۇنسىز ھالدا سېتىپ، ئوتتۇرىدىن كۆپ پايدا ئالغان. 1887-يىلى ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ دېلوغا چېتىلىدىغانلىقى بايقالغان. ھاكىمىيەت بېشىدىكى جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىنىڭ ئىناۋىتى تۆكۈلگەن، ۋىلسوننىڭ قېيىن ئاتىسى زۇڭتۇڭ گرېۋى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. لېكىن ۋىلسوننىڭ جىنايىتى يېنىك بېكىتىلگەن ۋە يۇقىرىغا ئەرز سۇنۇلغاندىن كېيىن جىنايەتسىز دەپ ئېلان قىلىنىپ، يېڭىباشتىن ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. مەزكۇر ۋەقە فرانسىيە ئەمەلدارلىرى ئىچىدىكى قاراڭغۇلۇق تەرەپلەرنى ئاشكارىلىغان، شۇنىڭدەك بۇلانگېر ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن.

ۋىلكېس دېلوسى

  • ۋىلكېس دېلوسى[يەشمىسى:]» ئەنگلىيىدە ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ۋىلكېسنى سوت قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايغان بۇرژۇئا دېموكراتىك ھەرىكىتى ۋەقەسى. ۋىلكېس (Wilkes، 1727 — 1797) بۇرژۇئازىيە رادىكال ئاخبارات مۇخبىرى، تۆۋەن پالاتانىڭ ئەزاسى بولۇپ، پارلامېنتنى ئىسلاھ قىلىش، دىنىي كەڭ قورساقلىقنى ۋە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. 1762-يىلى «شىمالدىكى برىتانىيىلىكلەر» گېزىتىنى تەسىس قىلىپ، ھۆكۈمەتنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. 1763-يىلى ئۇ مەزكۇر گېزىتتە كورۇلنىڭ پارلامېنتتا سۆزلىگەن تەبرىك سۆزىگە ھۇجۇم قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كورۇلنىڭ ئىمتىيازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىنى ئەيىبلىگەن، شۇنىڭ بىلەن قولغا ئېلىنىپ سوتقا تارتىلغان. ئىككىنچى يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىدىن قالدۇرۇلغان. بۇ ئىش جامائەتچىلىكنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇنى قوللاش يۈزىسىدىن نامايىشلار بولۇپ، ئاخىر ۋىلكېس گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىنغان.1768-يىلى يېڭىباشتىن تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا كىرگۈزۈلگەن. 1769 — 1772-يىللىرى، ئۇ پارلامېنت ۋە بەزى ۋەزىرلەرنىڭ چىرىكلىشىپ كېتىشتەك قىلمىشلىرىنى پاش قىلىدىغان ماقالىلەرنى كۆپلەپ يازغان. بۇ ئىش ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى ھەرىكەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھۆكۈمەت يول قويۇشقا مەجبۇر بولغان. 1774-يىلى ۋىلكېس لوندون شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا ۋە تۆۋەن پالاتانىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. بۇ ۋەقە شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇش ھارپىسىدىكى ئەنگلىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۈندىن-كۈنگە ئۆتكۈرلىشىۋاتقان سىنىپىي زىددىيەتنىڭ ئىنكاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ۋىكلىف John Wycliffe

  • ۋىكلىف John Wycliffe[يەشمىسى:]» (ياكى Wiclif، تەخمىنەن 1320 — 1384) ئەنگلىيىلىك دىنىي ئىسلاھاتچى، ياۋروپا دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ پېشىۋاسى. ئوكسفورد داشۆسىنىڭ تىنولوگىيە پروفېسسورى، پوپى بولغان. ئەنگلىيە-فرانسىيە 100 يىللىق ئۇرۇشى ۋە پاپا ئاۋىگنون دەۋرىدە ياشىغان. ئۇنىڭ دىنىي ئىسلاھات تەشەببۇسى: رىم ۋاتىكاننىڭ ئەنگلىيىدىن ئولپان ئېلىشقا شۇنىڭدەك ئەنگلىيىنىڭ مىسسىئونېرلىرىغا روھانىي ۋەزىپە بېرىشكە ھوقۇقى يوق؛ ۋاتىكاننىڭ كونتروللۇقىدا بولمىغان ھەمدە ئەنگلىيە كورۇلىغا قاراشلىق مىللىي چېركاۋ قۇرۇش؛ دىنىي مۇراسىملارنى ئاددىيلاشتۇرۇش، چېركاۋلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، دەھرىي ئاقسۆڭەكلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش؛ ئىبادەت قىلىشتا لاتىن تىلىنىڭ ئورنىغا ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىش؛ «ئىنجىل»نىڭ نوپۇزى چېركاۋدىن ئۈستۈن بولۇش، مۇرىتلار چېركاۋغا ئەمەس، بەلكى خرىستوسقا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت. شۇڭا ئۇ «ئىنجىل»نى لاتىنچىدىن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ تەلىماتى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە رىتسارلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن؛ 1415-يىلى كونستانتىن يىغىنىدا ۋىكلىف بىدئەت دەپ جاكارلانغان ھەمدە ئۇنىڭ جەسىتىنى گۆرىدىن چىقىرىپ كۆيدۈرۈپ تاشلاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن.

ۋىلموتنىڭ قوشۇمچە ھۈججىتى

  • ۋىلموتنىڭ قوشۇمچە ھۈججىتى[يەشمىسى:]» 1846-يىلى ئامېرىكا-مېكسىكا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، 8-ئايدا ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى داۋىد ۋىلموت (David Wilmot، 1814 — 1868) ئاۋام پالاتاسىدا ئوتتۇرىغا قويغان قوشۇمچە ماددا. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: يېڭى ئېرىشكەن يەرلەردە قۇللۇق تۈزۈمى يولغا قويۇشقا ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلدۇرۇشقا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت. جەنۇب تەرەپنىڭ پالاتا ئەزالىرى قارشى تۇرغانلىقتىن كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەن. بۇ قوشۇمچە ھۈججەت پارلامېنتنىڭ ئىچكى ۋە سىرتىدا كەڭ مۇنازىرە قوزغاپ، مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلغان.

ۋىللستاتتېر

  • ۋىللستاتتېر[يەشمىسى:]»(Richard Willstatter، 1872 — 1942). گېرمانىيىلىك خىمىك. كارلسرۇھېدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا بائېيېر (Adolf Von Baeyer، 1835-1917) دىن ئورگانىك خىمىيە ئۆگەنگەن. 1894-يىلدىن باشلاپ بىئو ئىشقار خىمىيىسىنىڭ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاتروپىن (بېللادوننا ئالكولوئىدى) ۋە كوكائىن قاتارلىقلار مولېكۇلىسىنىڭ ئاساسلىق قىسمى — تروپىن (مىڭ دىۋانە ئالكولوئىدى) نىڭ خىمىيىۋى تۈزۈلۈشىنى شەرھلەپ بەرگەن. 1905-يىلى خلوروفىلنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، 1915-يىلى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتى، سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1912 — 1915-يىللاردا ۋېلھېلم پادىشاھلىق تەتقىقات ئاكادېمىيىسى خىمىيە تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى بولغان. كېيىن ميۇنخېنغا قايتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە جەريانى ئۈستىدىكى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرغان ھەم ئۆزىنىڭ فېرمېنت خىمىيىسى خىزمىتىنى تېخىمۇ سىستېمىلىق داۋاملاشتۇرۇپ، كۆپ خىل بىرقەدەر ساپ فېرمېنتلارغا ئېرىشكەن.

ۋىللىخ

  • ۋىللىخ[يەشمىسى:]»(August Willich، 8781-0181)، كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، ۋىللىخ-شاپپېر گۇرۇھىنىڭ كاتتىبېشى. ئەسلىدە پرۇسسىيىنىڭ ئوفىتسېرى بولۇپ، فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمگە نارازى بولغانلىقتىن، ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەن. 1847-يىلى كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 1849-يىلى 5-ئايدا ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى قوغداش كۈرىشىگە قاتنىشىپ، بادېن-پفالتس قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان ۋە پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ يىڭجاڭى بولغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، شۋېتسارىيە ۋە ئەنگلىيىدە سەرگەردان بولۇپ تۇرغان.1850-يىلى 9-ئايدا، شاپپېر بىلەن بىرلىشىپ مەزھەپ گۇرۇھىنى ئۇيۇشتۇرغان، ماركسنى قارىلاپ ۋە ھۇجۇم قىلىپ، ئىنقىلابنى ھېچقانداق شەرت-شارائىتقا قارىماي داۋاملىق قوزغاشنى تەشەببۇس قىلىپ، كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان. 1852-يىلى كيولىندا كوممۇنىستلارنى سوتلىغان چاغدا، «پادىشاھ جەمەتىنىڭ گۇۋاھچىسى» سالاھىيىتى بىلەن پرۇسسىيە ساقچى دائىرىلىرىگە خۇشامەت قىلغان. 1853-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ، سەرگەردان بولۇپ ياشىغان. 1862-يىلى شىمال پىدائىيلار قوشۇنى قاتارىدا ئامېرىكىنىڭ جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن گېنېراللىققا كۆتۈرۈلگەن.

ۋىللېسلېي

  • ۋىللېسلېي[يەشمىسى:]»«威尔斯利» Wellesley غا قاراڭ.

ۋىللېمⅠ

  • ۋىللېمⅠ[يەشمىسى:]»(WillemⅠ، 1772 — 1843) (1) ۋىللېمⅥ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نىدېرلاندىيىنىڭ كورۇلى (0481 - 5181). ئورانگې شاھزادىسى ۋىللېم Ⅴ (WillemⅤ، 6081 - 8471) نىڭ ئوغلى. 1795-يىلى فرانسىيە نىدېرلاندىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكتىن ئەنگلىيىگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1802-يىلى گېرمانىيە بىلەن ناپولېئونⅠ سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، گېرمانىيىنىڭ فۇلدا(Fulda) ئېپىسكوپ زېمىنى قاتارلىق رايونلىرىغا ئىگە بولۇۋالغان. كېيىن پرۇسسىيىدە قاچاق بولۇپ يۈرگەن. 1813-يىلى گوللاندىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ «كورۇلى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 1814-يىلى فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا نىدېرلاندىيە بىلەن لېژى ئېپىسكوپ زېمىنى (يەنى بېلگىيە) نى گوللاندىيىگە قوشۇۋەتكەن. 1815-يىلى نىدېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولغان، قوشۇمچە بېلگىيە ۋە ليۇكسېمبۇرگ كىنەزلىكىنىڭ يەرلىرىنى باشقۇرغان. كورۇل بولغان مەزگىللىرى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، بېلگىيە بىلەن گوللاندىيىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانىنى تەڭ قىلىشنى بەلگىلىگەن، تىلنى بىرلىككە كەلتۈرمەكچى بولۇپ، نىدېرلاندىيە تىلىنى «دۆلەت تىلى» قىلغان. سىرتقا قارىتا، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىپ، مونوپولىيە تۈزۈمىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تاموژنا بېجىنى قوغداپ، نىدېرلاندىيە سودا شىركىتىنى تەشكىللىگەن ھەمدە ھىندۇنېزىيىدە تەدبىر قوللىنىپ، باشقا دۆلەت كاپىتال كۈچىنى چەتكە قاققان. 1830-يىلى بېلگىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرغان. 1839-يىلى شەرتنامە ئىمزالاپ، بېلگىيىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئىچكى ۋە تاشقى ئىشلاردىكى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى قوزغالغان ھەمدە لىبېرالىستلار پارتىيىسىدىكىلەر بىلەن كالۋىنچىلارنىڭ «خوراز جەمئىيىتى» نىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئورنىنى ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. (2) (WilhelmⅠ،8881-7971). پرۇسسىيە كورۇلى (8881 - 1681)، گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1871 — 1888) فرېدرىخ ۋېلھېلم Ⅲ نىڭ ئىككىنچى ئوغلى. 1848-يىلى بېرلىن مارت قوزغىلىڭىنى دەھشەتلىك تۈردە باستۇرغانلىقى ئۈچۈن «سىنارەت شاھزادە» دەپ نام ئالغان. شۇ يىلى خەلق ئىنقىلابىنىڭ زەربىسىدە بىر مەزگىل ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1849-يىلى بادېن-پفالتىس قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. 1849-يىلدىن باشلاپ رىيىنلاند-ۋېستفالىيىنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1858 — 1861-يىللىرى ئاكىسى فرېدرىخ ۋېلھېلم Ⅳ نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان مەزگىللىرى نائىپلىققا تەيىنلەنگەن. 1861-يىل 1-ئاينىڭ 2-كۈنى پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. تەختتىكى مەزگىللىرى مۇتەئەسسىپلىك مەيدانىدا تۇرۇپ لىبېرالىستلارغا قارشى «ئاساسىي قانۇن ماجىراسى» كۈرىشىنى قانات يايدۇرغان. كېيىن ۋەزىر بىسماركنى ئەتىۋارلاپ ئىشقا سالغان ھەمدە يۇنكېر پومېشچىكلار ۋە بۇرژۇئازلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا سۇلالىلەر ئۇرۇشى ئارقىلىق گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1871-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى، فرانسىيىنىڭ ۋېرسال ئوردىسىدا تاج كىيىپ ئىمپېراتور بولغان.

ۋىللىيام ستوبىس

  • ۋىللىيام ستوبىس[يەشمىسى:]»(Willian Stobbs، 1091-5281) ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس، «ئوكسفورد ئېقىمى» نىڭ ئىجادچىسى. ئېپىسكوپ. 1848-يىلى ئوكسفورد داشۆسىنى پۈتتۈرۈپ، پوپ بولغان. 1862-يىلى لانبىس كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1866 — 1884-يىللىرى ئوكسفورد داشۆسى يېقىنقى زامان تارىخى بويىچە كورۇل تەيىنلىگەن پروفېسسور بولغان، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىللىرى ئوكسفورد داشۆسى ئەنگلىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىش مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. 1884-يىلى چېستنىڭ ئېپىسكوپى بولغان، 1888-يىلى ئوكسفوردنىڭ ئېپىسكوپى بولغان. ئۆمۈر بويى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي تارىخىنى تەتقىق قىلغان. ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدىن «ئەنگلىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي تارىخى» (ئۈچ توم) بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىن تاكى مىلادى ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگىچە بولغان ئۇزاق تارىخىي دەۋردىكى ئەنگلىيىنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ئۈستىدە توختالغان. شۇنداقلا، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ باشقا تەرەپلىرىدىمۇ توختالغان بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئەھۋاللار بايان قىلىنغان ئومۇمىي تارىخ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، «لولېس مەجمۇئەسى» (يەنى «برېتانىيە تارىخىي ماتېرىياللىرى توپلىمى») دىن ئىبارەت 19 توملۇق تارىخىي ماتېرىياللىرى توپلىمىنى تۈزۈشتە زور تۆھپە قوشۇپ، «ئەنگلىيىنىڭ ۋايتىزى» دەپ ئاتالغان.

ۋىليام

  • ۋىليام[يەشمىسى:]»(1) ۋىليام (ئىستېلاچى)(William I the Conqueror، تەخمىنەن 7801 - 7201) ئەنگلىيە كورۇلى (1066 —1078). نورماندى گېرتسوگى روبېرتنىڭ ئوغلى. 1035-يىلى دادىسى قازا تاپقاندىن كېيىن مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1063-يىلى مائىنې بەگلىكىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان، ئىككىنچى يىلى برېتاگنې گرافىنى ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇرلىغان. 1066-يىلى 1-ئايدا، ئەنگلىيە كورۇلى ئېدۋارد (توۋا قىلغۇچى) ئۆلگەن. 9-ئايدا، ۋىليام ئېدۋارد ھايات ۋاقتىدا ئەنگلىيىنىڭ كورۇللىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ماقۇل بولغان دېگەننى باھانە قىلىپ، نورماند ئاقسۆڭەكلىرى ۋە فرانسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رېتسارلارنى توپلاپ، پاپانىڭ قوللىشى بىلەن دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئەنگلىيىگە تاجاۋۇز قىلغان. 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، خاستىن جېڭىدە ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئارقىدىنلا لوندوننى بېسىۋالغان، 12-ئايدا ئۆزى ئەنگلىيىنىڭ كورۇلى بولۇپ، ۋىليامⅠ (تارىختا «ئىستېلاچى» دەپ ئاتالغان) دەپ ئاتىغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى نورماند ئاقسۆڭەكلىرىنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىگەن؛ ئانگلو-ساكسون ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ يەرلىرىنى كۆپلەپ مۇسادىرە قىلىپ، بۇ يەرلەرنىڭ يەتتىدىن ئالتە قىسمىنى نورماند ئاقسۆڭەكلىرىگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن، يەتتىدىن بىر قىسمى ھەمدە كۆپلىگەن ئورماننى خان جەمەتلىرىگە قالدۇرغان، شۇنىڭدەك كورۇلغا ۋاسىتىلىك قارايدىغانلارمۇ جەزمەن كورۇلغا سادىق بولۇشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن. يەر ئىگىلىرىنىڭ ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ، كۆپلىگەن ئەركىن دېھقانلار يانچىلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. 1086-يىلى باج-سېلىق يىغىش ئۈچۈن يەر ۋە مال-مۈلۈكلەرنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تىزىملىك تۇرغۇزغان. تارىختا بۇ «ئاخىر زامان ھۆكۈمنامىسى» دەپ ئاتالغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا فرانسىيە كورۇلى فىلىپⅠ(PhilipⅠ، 8011-2501) بىلەن ئۇرۇشۇپ، فرانسىيىنىڭ رۇئېن (Rouen) ئەتراپىدا ئۆلگەن. (2) ۋىليام (ئورانگېلىق) (Willemvan Oranje، 1533 —1584). نىدېرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى سىياسىئون. گېرمانىيىدىكى ناسسۇدا تۇغۇلغان، كېيىن ئورانگې گېرتسوگنىڭ زېمىنىگە ۋارىسلىق قىلىپ شاھزادە بولغان. مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى چارلېسⅤ نىڭ تەيىنلىشى بىلەن 1555-يىلى گوللاندىيە قاتارلىق ئۈچ ئۆلكىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1565-يىلى ئاقسۆڭەكلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ، ئىككىنچى يىلى باش ۋالىي ماگرېتقا دىنىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1567-يىلى يېڭى باش ۋالىي ئالۋارېز نىدېرلاندىيىدە ئاق تېررورلۇق ھاكىمىيەت ئورناتقاندىن كېيىن، گېرمانىيىگە قېچىپ كەتكەن ۋە ئۇ يەردە پروتېستانت بەگلىكلىرى ۋە فرانسىيە خۇگۇئېنوتچىلارنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا ياللانما ئارمىيە توپلاپ، نىدېرلاندىيىگە بىر نەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان. 1572-يىلى نىدېرلاندىيىنىڭ شىمالىدىكى قوزغىلاڭ غەلىبە قىلىپ، شىمالىي تەرەپتىكى ئۆلكىلەرنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1584-يىل 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىسپانىيە كورۇلى فىلىپⅡ ئەۋەتكەن جاسوس گېرارد (Balthasar Gerard، 4851-8551) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

ۋىليام خوبسون

  • ۋىليام خوبسون[يەشمىسى:]»(William Hobson، 2481-3971)ئەنگلىيىنىڭ يېڭى زېلاندىيىدە تۇرۇشلۇق تۇنجى باش ۋالىيسى (1481-8381). ئېرلاندىيىنىڭ ۋاتېرفورد (Waterford) دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ھەربىيگە قاتنىشىپ ئىلگىرى-كېيىن شىمالىي دېڭىز، ئەنگلىيە بوغۇزى، غەربىي ھىندىستان تاقىم ئاراللىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قاتارلىق جايلاردا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1836-يىلى ئاۋسترالىيە قىتئەسىنىڭ يېڭى جەنۇبىي ۋالېس مۇستەملىكە رايونىدىكى قېلىپ پورتىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشكە ئەۋەتىلگەن. باش ۋالىي بولغان مەزگىللىرى ماۋرى (Maoris) لاردىن يەر بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، مۇستەملىكە ئىشلىرىنى كېڭەيتكەن. 1840-يىلنىڭ باشلىرى، يېڭى زېلاندىيە تاقىم ئاراللىرىغا بېرىپ، شىمالدىكى ماۋرىلار قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ «ۋېيتانگى شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. كېيىن مالىيە، يەر مەسىلىلىرىدە ناتوغرا ئىش تۇتقانلىقتىن يېڭى زېلاندىيە شىركىتى قاتارلىق مۇستەملىكە كۈچلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چاقىرىپ كېتىلگەن. لېكىن يولغا چىقىشقا ئۈلگۈرمەي ئوكلاند شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

ۋىليام خۇگېس

  • ۋىليام خۇگېس[يەشمىسى:]» (William Morris Hughes، 2591 -4681) ئاۋسترالىيە ئىتتىپاقىنىڭ زۇڭلىسى (1915 — 1923). لوندوندا تۇغۇلغان. لوندون سان-ستېفىن شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1884-يىلى ئاۋسترالىيە قىتئەسىگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1894-يىلى ليېبورىستلار پارتىيىسىنىڭ نامزاتى سۈپىتىدە سىياسىي ساھەگە كىرگەن. لبورىستلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، باش تەپتىش ئەمەلدارى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1914-يىلى ئۇرۇش ۋاقتىدا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1916-يىلى ئەسكەر قوبۇل قىلىش تۈزۈمى مەسىلىسىدە ليېبورىستلار پارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولغان. 1917-يىلى خۇگېس باشچىلىقىدىكى ليېبورىستلار پارتىيىسى گۇرۇھى ليببورىستلار پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ خەلق پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن. خۇگېس پارتىيىسىنىڭ كاتتىبېشى بولغان. شۇ يىلقى چوڭ سايلامدا خەلق پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە ۋەكىل بولۇپ پارىژ تىنچلىق يىغىنىغا قاتناشقان، «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. يىغىن مەزگىلىدە ئاۋسترالىيىنىڭ ئاۋسترالىيە قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارغا بولغان ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى ۋە كۆچمەنلەرگە بولغان سىياسەتتە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بولىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان. ئۆكتىچىلەر پارتىيىسىنىڭ قارشى تۇرغانلىقىدىن زۇڭلىلىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. كېيىن يېڭى پارتىيە قۇرماقچى بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. ئاخىر ئاۋسترالىيە بىرلىككە كەلگەن پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1945-يىلى لبېرالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. ئۇنىڭ «بۈيۈك قېدىرىش» قاتارلىق كىتابلىرى بار.

ۋىليام ئورانگې

  • ۋىليام ئورانگې[يەشمىسى:]» (William Orange، 2071-0561) ئەنگلىيە كورۇلى (2071-9861). ۋىليام Ⅱ نىڭ ئوغلى، چارلېسⅠ نىڭ نەۋرىسى. ھايتىدا تۇغۇلغان، پروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 1672-يىلى نىدېرلاند ئارخۇنى بولغان.1677-يىلى جامېسⅡ (ئەينى چاغدىكى كىنەز يورك) نىڭ قىزى مارى بىلەن توي قىلغان. 1688-يىلى «شانلىق ئىنقىلاب» تا ئەنگلىيە كورۇلى بولۇپ، ۋىليام (WilliamⅢ)Ⅲ دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ خوتۇنى ئەنگلىيىنىڭ كورۇلىۋاسى بولۇپ، مارى Ⅱ دەپ ئاتالغان. ۋىليام ئورانگى ھوقۇق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرىدە «ھوقۇق قانۇنى» نى ئېلان قىلىپ، پارلامېنتنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرگەن؛ ئېنگلاند بانكىسىنى تەسىس قىلىپ، چېگرا بېجىنى قوغداش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سىرتقا قارىتا ئېرلاندىيىنى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرغان ھەمدە ئۇزۇن مۇددەتكىچە فرانسىيە بىلەن رىقابەتلەشكەن.

ۋىليامىس

  • ۋىليامىس[يەشمىسى:]» (1) ۋاسلې روبېرتوۋىچ ۋىليامىس (Вaсилий Робертович Вильямс، 9391-3681) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق تۇپراقشۇناس. موسكۋادىكى قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دادىسى ئامېرىكىلىق. پېتىروۋ دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. 1894-يىلى مەزكۇر شۆيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن موسكۋا تىمىريازېۋ يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. 1928-يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. ۋىليامىس «تۇپراقنىڭ بىر تۇتاش شەكىللىنىش تەلىماتى» نى ياراتقان. شۇنىڭدەك تۇپراق تۈزۈلمىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى تەتقىق قىلىپ، تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قاتار ئۇسۇل-چارىلەرنى ۋە نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن «ئوت-چۆپ بىلەن زىرائەتنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش تۈزۈمى» نى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ «تۇپراقشۇناسلىق-زىرائەتشۇناسلىق ھەمدە تۇپراقشۇناسلىق پرىنسىپلىرى» قاتارلىق كىتابلىرى بار. (2) ئېرىس ئېئۇستاس ۋىللىيامىس (Eric Eustale Williams، 1891-1191). ترىنىداد ۋە توباگونىڭ زۇڭلىسى (1891-2691) ھەم تارىخشۇناس. پوچتا ئىدارىسى خىزمەتچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئافرىقا نىگېرلىرىنىڭ ئەۋلادى. ئەنگلىيە ئوكسفورد داشۆسىدە تارىخ ۋە سىياسەت ئوقۇپ، پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1939-يىلى ئامېرىكا خوۋارد داشۆسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1948 — 1955-يىللىرى كارىب تەتقىقات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. 1956-يىلى خەلق مىللىي ھەرىكىتى پارتىيىسىنى قۇرۇپ ئۇنىڭ رەھبىرى بولغان. شۇ يىلى ترىنىداد ۋە توباگو ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1959-يىلى زۇڭلى، قوشۇمچە مالىيە، پىلان ۋە تەرەققىيات مىنىستىرى بولغان. 1962-يىلى دۆلەت مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت زۇڭلىسى بولۇپ ئىشلىگەن. كارىب رايونى بىلەن غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىنىڭ تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ «كاپىتالىزم ۋە قۇللۇق تۈزۈم»، «كولۇمبۇدىن كاستروغىچە: كارىب رايونىنىڭ تارىخى (1492 — 1969)»، «ترىنىداد ۋە توباگو خەلقى تارىخى» ۋە «كۆڭۈل تەشنالىقى: بىر زۇڭلىنىڭ تەربىيىلىنىشى» قاتارلىق كىتابلىرى بار.

ۋىلھېلمⅡ

  • ۋىلھېلمⅡ[يەشمىسى:]»(WilhelmⅡ، 1491-9581) گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ۋە پرۇسسىيىنىڭ كورۇلى (8191 - 8881) ۋىلھېلم Ⅰ نىڭ نەۋرىسى. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن چاغلىرى يۇنكېر-بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئىچكى جەھەتتە ئىستىبداتلىق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپ، ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرغان، ئىشچى ئاقسۆڭەكلەرنى سېتىۋېلىپ، ئىشچىلار قوشۇنىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان. سىرتقا قارىتا مۇستەملىكىچىلىك-كېڭەيمىچىلىكنى يۈرگۈزۈپ، دۇنياغا خوجا بولۇش نىشانىغا يەتمەكچى بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىقنى كۈچەيتكەن: 1897-يىلى فىلوت ئەۋەتىپ جۇڭگونىڭ جياۋجۇ قولتۇقىنى بېسىۋالغان؛ 1898-يىلى ئۆزى تۈركىيىگە بېرىپ ھەرىكەت قىلىپ، باغداد تۆمۈريولىنى قۇرۇش ھوقۇقىنى ئۇزارتماقچى بولغان، يېقىن شەرقتە تەسىر كۈچىنى كېڭەيتكەن؛ 1900-يىلى 7-ئايدا ئاتالمىش «ھون نۇتۇقى» نى ئېلان قىلىپ، قوشۇن تارتىپ جۇڭگودىكى يىخېتۇەن ھەرىكىتىنى باستۇرغان ۋە جۇڭگو زېمىنىنى بۆلۈشۈۋېلىش رىقابىتىگە قاتناشقان؛ 1905-ۋە 1911-يىللىرى ماراكەش كرىزىسىنى پەيدا قىلىپ، فرانسىيە بىلەن ماراكەشتىكى ھوقۇق-مەنپەئەتنى تالاشقان؛ كۆپ قېتىم بالقان ئىشلىرىغا قول تىققان، شۇ ئارقىلىق گېرمانىيە بىلەن ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيىدىن ئىبارەت دۆلەتلەرنىڭ زىددىيىتىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارادىكى جىددىي ۋەزىيەتنى بارغانسېرى يامانلاشتۇرۇۋەتكەن. 1914-يىلى سارايېۋو ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1918-يىلى گېرمانىيىدە دېكابر ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، ھاكىمىيەتنى تۇتالماي، گوللاندىيىگە قېچىپ كەتكەن. ئۇنىڭ «1878 — 1914-يىللىرىدىكى ئۇرۇش پارتلىغان چاغدىكى ۋەزىيەت» ناملىق ئەسلىمىسى بار.

ۋىلھېلم سولف

  • ۋىلھېلم سولف[يەشمىسى:]» (Wilhelm Solf، 6391 - 2681) گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇستەملىكە ئەمەلدارى.1900-يىلى گېرمانىيىگە قارام سامويانىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1908-يىلى سامويالىقلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇپ، 70 تىن ئوشۇقراق ئادەمنى قولغا ئالغان ۋە ئۇلارنى مارىيانا تاقىم ئاراللىرىغا سۈرگۈن قىلغان. مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يەرلىككە يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. سامويانىڭ مالىيە جەھەتتە گېرمانىيىگە تايىنىش ھالىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزگەرتكەن. كوكۇس دەرىخى تىكىشنى زورلۇق بىلەن تەرەققىي قىلغۇزغان. 1910-يىلى گېرمانىيىگە قايتقان. كېيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، گېرمانىيە مۇستەملىكە مەھكىمىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى ۋە ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن.

ۋىلھېلمىنا

  • ۋىلھېلمىنا[يەشمىسى:]» (Wilhelmina Helina Pauline Maria، 2691 - 0881) گوللاندىيىنىڭ كورۇلىۋاسى (8491 - 0981). دادىسى ۋىللېمⅢ (WillemⅢ، 1817 - 1890) ئۆلگەندىن كېيىن كورۇلىۋا بولغان، ئەمما ئۇنىڭ ئانىسى 1898-يىلغىچە نائىپلىق قىلغان. ۋىلھېلمىنا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا بىتەرەپلىكتە چىڭ تۇرغان. 1933-يىلى ھىندۇنېزىيىدىكى «يەتتە ئۆلكە» قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاشتىن ئىلگىرى، بېلگىيە كورۇلى بىلەن بىرلىشىپ ئۇرۇشقا بىرلىكتە قارشى چىققان. 1940-يىلى 5-ئايدا گېرمانىيە گوللاندىيىگە تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيىگە قېچىپ بېرىپ، مۇساپىر ھۆكۈمەت قۇرغان ھەمدە مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرگەن. 1945-يىلى دۆلىتىگە قايتقان. كېيىنكى چاغلاردا ئۆزىنىڭ تەختىنى قىزىغا بەرگەن.

ۋىنكال سكرىش شەرتنامىسى

  • ۋىنكال سكرىش شەرتنامىسى[يەشمىسى:]» تۈركىيە بىلەن روسىيە 1833-يىل 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىمزالىغان ئورتاق مۇداپىئەلىنىش شەرتنامىسى. بوسفور بوغۇزىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن يېزا — ۋىنكال سكرىشتا ئىمزالانغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. شەرتنامىدە 1829-يىلىدىكى «ئاندىرىئاننا قەلئەسى شەرتنامىسى» ۋە باشقا روسىيە-تۈركىيە شەرتنامىلىرى قايتا تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئەگەر تۈركىيە ئېھتىياجلىق بولسا، روسىيە دەرھال ئۇنى ھەرخىل ھەربىي ياردەملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئالماشتۇرۇش شەرتى سۈپىتىدە، تۈركىيە داردانىل بوغۇزىنى قامال قىلىپ، ھەرقانداق چەت ئەل ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ھەرقانداق باھانە بىلەن قارا دېڭىزغا كىرىشىگە يول قويمايدۇ، روسىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى بوسفور بوغۇزىدىن ئەركىن كىرىپ-چىقالايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ شەرتنامە ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى ۋە بۇ ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ تۈركىيە دېڭىز قىرغىقىدا ھەربىي مانۋېر قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ۋيېتنام-فرانسىيە ۋېرسال شەرتنامىسى

  • ۋيېتنام-فرانسىيە ۋېرسال شەرتنامىسى[يەشمىسى:]» ۋيېتنامنىڭ رۇەن فۇياڭ گۇرۇھى بىلەن فرانسىيە ئىمزالىغان شەرتنامە. يېقىنقى زامان ۋيېتنام تارىخىدىكى تۇنجى تەڭسىز شەرتنامە بولۇپ، 1787-يىل 11-ئاينىڭ 28-كۈنى گراف مونتمورىن (Montmorin) فرانسىيىگە، ئېپىسكوپ بېھائىنې (Pierre Pigneau de Behaine، 1741 — 1799، فرانسىيىلىك) ۋيېتنامغا ۋەكىل بولۇپ فرانسىيىدىكى ۋېرسالدا ئىمزالىغان. جەمئىي 10 ماددىلىق بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى: ۋيېتنام خۇيئەن (شەنگاڭ) پورتىنى ۋە كۇنلۇن ئارىلىنى فرانسىيىگە كېسىپ بېرىدۇ؛ فرانسىيە ۋيېتنامدا سودا قىلىش ۋە تۇرۇش ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ فرانسىيە ۋيېتنامغا قوشۇن ئەۋەتىپ، رۇەن فۇياڭنىڭ شىشەن قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، دېگەنلەردىن ئىبارەت. ئەسكەر ئەۋەتىشكە مەسئۇل بولغان فرانسىيىنىڭ ھىندىستاننىڭ پوندىچېررى شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى گراف دې كونۋانى (De Conwany) بېھائىنې بىلەن ئەپ بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 1789-يىلدىكى فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشىغا توغرا كەلگەنلىكتىن، بۇ شەرتنامە كۈچكە ئىگە بولالمىغان. ئەمما بېھائىنې فرانسىيىدە ياللانما قوشۇن توپلاپ، پاراخوت، قورال-ياراق، ئوق-دورىغا ئىگە بولۇپ، شىشەن قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان.

ۋيېتنام، لائوس، كامبودژىلارنىڭ فرانسىيىگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى

  • ۋيېتنام، لائوس، كامبودژىلارنىڭ فرانسىيىگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى[يەشمىسى:]» 1945 — 1954-يىللاردىكى ۋيېتنام، لائوس، كامبودژا خەلقلىرىنىڭ فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپونىيە كۈچلىرى ئەسلىدە فرانسىيىگە قاراشلىق ھىندىچىنىدىكى ۋيېتنام، لائوس، كامبودژا ئۈچ دۆلەتتىن چېكىنىپ چىققان (ۋيېتنام، لائوس مۇستەقىللىك ئېلان قىلغان). فرانسىيە ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ، مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشىنى يېڭىباشتىن قوزغاپ، 1945-يىلى 9-ئايدا ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلغان، 10-ئايدا كامبودژىنى ئىشغال قىلغان، يىل ئاخىرىسىدا لائوسقا بېسىپ كىرگەن. ئۈچ دۆلەت خەلقى مىللىي مۇستەقىللىكنى قوغداش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1946-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشنى 8 — 9 يىل ئېلىپ بېرىپ، دۈشمەننىڭ تېز ئۇرۇش قىلىپ تېز ھەل قىلىش پىلانىنى بىتچىت قىلغان. جۇڭگونىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، ۋيېتنام خەلقى 1954-يىلى 5-ئايدا ديەنبيەنفۇ جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇ يىلى 7-ئايدا فرانسىيە ھىندىچىنىدا تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى «جەنۋە كېلىشىمى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولۇپ، ۋيېتنام، لائوس، كامبودژا ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىكى، بىرلىكى، تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىگە ھۈرمەت قىلىش ئاساسىدا، ھىندىچىنى تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلغان.

ۋيېتنام مەسىلىسى توغرىسىدىكى پارىژ خەلقئارا يىغىنى

  • ۋيېتنام مەسىلىسى توغرىسىدىكى پارىژ خەلقئارا يىغىنى[يەشمىسى:]»«ۋيېتنام مەسىلىسى توغرىسىدىكى پارىژ كېلىشىمى» نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، 1973-يىل 2-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا جۇڭگو، ئامېرىكا، سۆۋېت ئىتتىپاقى، فرانسىيە، ۋېنگرىيە، ھىندۇنېزىيە، پولشا، ئەنگلىيە، كانادا، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، جەنۇبىي ۋيېتنام جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى، سايگون ھاكىمىيىتىدىن بولۇپ 12 ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ۋالدھېم ( Kurt Waldheim، 1918) قاتناشقان. يىغىندا «ۋيېتنام مەسىلىسى توغرىسىدىكى خەلقئارا يىغىن قارارنامىسى» ماقۇللانغان. قارارنامىدە «ۋيېتنامدا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى كېلىشىم» ۋە ئالاقىدار تۆت كېلىشىمنامە مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ھىمايە قىلىنىپ ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىنىپ، ۋيېتنام خەلقىنىڭ تۈپ مىللىي ھوقۇقى، يەنى ۋيېتنامنىڭ مۇستەقىللىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى ھەمدە «جەنۇبىي ۋيېتنام خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئەستايىدىل ئېتىراپ قىلىنىپ ۋە تولۇق ھۈرمەت قىلىنىپ»، «كېلىشىم ۋە كېلىشىمنامىنىڭ ماددىلىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەرقانداق ھەرىكەت قوللىنىلمايدىغانلىقى» غا كاپالەتلىك قىلىنغان.

ۋيېتنام مەسىلىسى ھەققىدىكى پارىژ كېلىشىمى

  • ۋيېتنام مەسىلىسى ھەققىدىكى پارىژ كېلىشىمى[يەشمىسى:]» تولۇق ئاتىلىشى «ۋيېتنامدا ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇپ، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى كېلىشىم». ۋيېتنام مەسىلىسى ھەققىدىكى پارىژ يىغىنىغا قاتناشقان تۆت تەرەپ (ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، ئامېرىكا، جەنۇبىي ۋيېتنام جۇمھۇرىتى ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى ۋە سايگون ھاكىمىيىتى) 1973-يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى پارىژدا رەسمىي ئىمزالىغان، شۇ كۈنى بۇ كېلىشىمنىڭ تۆت توختامنامىسىمۇ ئىمزالانغان. ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر 1954-يىلىدىكى ۋيېتنام مەسىلىسى توغرىسىدىكى جەنۋە كېلىشىمىدە ئېتىراپ قىلىنغان ۋيېتنامنىڭ مۇستەقىللىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىگە ھۈرمەت قىلىدۇ؛ كېلىشىم ئىمزالانغان كۈندىن باشلاپ، پۈتكۈل جەنۇبىي ۋيېتنام زېمىنىدا ئۇرۇش توختىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ كېلىشىم ئىمزالىنىپ 60 كۈن ئىچىدە، ئامېرىكىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقچىلىرىنىڭ قوشۇنلىرى ۋە ھەربىي خادىملىرى جەنۇبىي ۋيېتنامدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىدۇ، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ جەنۇبىي ۋيېتنامدىكى ھەربىي ئارىلىشىشنى داۋاملاشتۇرمايدۇ، جەنۇبىي ۋيېتنامنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ، جەنۇبىي ۋيېتنام خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۈرمەت قىلىشقا كاپالەتلىك بېرىدۇ؛ جەنۇبىي ۋيېتنام خەلقى جەنۇبىي ۋيېتنامنىڭ سىياسىي ئىستىقبالىنى دېموكراتىك ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ئۆزى بەلگىلەيدۇ؛ ۋيېتنامنىڭ بىرلىككە كېلىشى تىنچلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

ۋيېتنام يېزىقى

  • ۋيېتنام يېزىقى[يەشمىسى:]» ۋيېتنامنىڭ قەدىمكى يېزىقى. قەدىمكى زاماندا ۋيېتنامدا پۈتۈنلەي خەنزۇ يېزىقىنى قوللانغان بولۇپ، ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇ يېزىقىدا يېزىلىپ كەلگەن. كېيىن ئۇلار خەنزۇ يېزىقىنىڭ شەكلى، مەنىسى ۋە ئىستېمال قىلىنىشى قاتارلىق ھەرپ ئىجاد قىلىش ئۇسۇللىرىغا ئاساسەن ۋيېتنام مىللىي يېزىقىنى ئىجاد قىلىپ، «زىنەن» (جەنۇبىي ئەل يېزىقى مەنىسىدە) دەپ ئاتىغان. بۇنىڭدا تاۋۇش قوبۇل قىلىنىپ مەنىسى قوبۇل قىلىنمىغانلىرىدىن مەسىلەن: «固» (مەنىسى بار، ئاھاڭى Go KO)«埃» (مەنىسى كىم، ئاھاڭى ai ai) قاتارلىقلار؛ ئىجاد قىلىنغان يېزىقلاردىن مەسىلەن: «» (مەنىسى ئۈچ، ئاھاڭى با، ) «» (مەنىسى كالا، ئاھاڭى ]پو[ قاتارلىقلار. مەلۇم بولۇشىچە ئەڭ دەسلەپكى ۋيېتنام يېزىقى 1209-يىلى (لى گاۋزۇڭ جېپىڭ لۇڭيىڭنىڭ 5-يىلى) دىكى شەپقەت قايتۇرۇش ئابىدىسى (يۇڭفۇ، ئەنلاڭ دېگەن جايلاردا) ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى، چېن سۇلالىسى دەۋرىدە پەيدىنپەي سىستېمىلاشتۇرۇلغان ھەمدە كېڭەيتىلگەن. ئەمما باشتىن-ئاخىر خەنزۇ يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىيەلمىگەن.

ۋيېتنامنى قايتۇرۇۋېلىش جەمئىيىتى

  • ۋيېتنامنى قايتۇرۇۋېلىش جەمئىيىتى[يەشمىسى:]» ۋيېتنامنىڭ فرانسىيىگە قارشى ئىنقىلابىي تەشكىلاتى. جۇڭگو شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، 1912-يىلى گۇاڭجۇدا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ مەقسىتى «فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، ۋيېتنامنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋيېتنام جۇمھۇرىيەت خەلق دۆلىتىنى قۇرۇش» تىن ئىبارەت بولۇپ، جياڭدى خۇيجاڭ، فەن فېيجۇ زۇڭلى بولغان. ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىپ، قوراللىق كۈرەشنى تەشەببۇس قىلغان. قايتۇرۇۋېلىش ئارمىيىسىنى قۇرۇپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كۆپ قېتىم كىچىك كۆلەملىك قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ، ھەممىسىلا فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان . بۇ جەمئىيەت كۆپىنچە چەت ئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، مەملىكەت ئىچىدە ئاممىۋى ئاساسى كەمچىل بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچكى پىكىر ئىختىلاپى تۈپەيلىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن.

ۋيېتنامنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى

  • ۋيېتنامنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى[يەشمىسى:]»ۋيېتنام خەلقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى. 1961-يىلى 5-ئايدا، ئامېرىكا 1954-يىلدىكى «جەنۋە كېلىشىمى» گە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، سايگۇندىكى ۋۇتېڭيەن قورچاق ھاكىمىيىتىنى يۆلەپ، ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا «ئالاھىدە ئۇرۇش» نى قوزغىغان. ئالاھىدە ئۇرۇش قاتتىق مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا 1964-يىلى 8-ئايدا بېيبۇۋەن ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، تاجاۋۇزچىلىق ئورۇشىنىڭ ئوتىنى ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىغىچە كېڭەيتكەن. 1965-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكا قوشۇنلىرى شەنگاڭ پورتىدا قۇرۇقلۇققا چىققان، شۇنىڭ بىلەن ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى ئامېرىكا قوشۇنىنى ئاساس قىلغان «چەكلىك ئۇرۇش» دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن. ۋيېتنام خەلقى باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، «چەكلىك ئۇرۇش» نى بىتچىت قىلغان. ئامېرىكا 1969-يىلدىن باشلاپ «ئۇرۇشنى ۋيېتناملاشتۇرۇش» سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. نەتىجىدە، ئامېرىكا-قورچاقلار گۇرۇھى ئۇرۇش مەيدانىدا تېخىمۇ پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، 1973-يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى پارىژدا «ۋيېتنامدا ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇپ، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى كېلىشىم» (قىسقارتىپ «پارىژ كېلىشىمى» دەپ ئاتىلىدۇ) نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان. ئامېرىكا قوشۇنى ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، رۇەن ۋېنشياۋ ھاكىمىيىتى «پارىژ كېلىشىمى» گە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مىللىي ئىناقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى رەت قىلىپ، ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئازاد رايونلارنى پىلە قۇرتىدەك يېيىشكە كىرىشكەن. 1975-يىلى ئەتىيازدا، ۋيېتنام ئارمىيە ۋە خەلقى ئەتىيازلىق ھۇجۇمنى قوزغاپ، 4-ئاينىڭ 30-كۈنى سايگوننى ئازاد قىلغان، 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى پۈتۈنلەي ئازاد قىلىپ، جەنۇبىي ۋيېتنام قورچاق ھاكىمىيىتىنى ئۈزۈل-كېسىل پاچاقلاپ تاشلىغان. شۇنىڭ بىلەن، ۋيېتنام خەلقىنىڭ 14 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرغان ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان.

ۋيېتنامنىڭ ئاۋغۇست ئىنقىلابى

  • ۋيېتنامنىڭ ئاۋغۇست ئىنقىلابى[يەشمىسى:]»ۋيېتنام خەلقىنىڭ 1945-يىلى 8-ئايدا، ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بارغان مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابى. 1940-يىلى ياپونىيە ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋيېتنام خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرىشى تېز راۋاجلانغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1941-يىلى 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 8-قېتىملىق يىغىنىدا ۋيېتنام مۇستەقىللىك ئىتتىپاقى (قىسقارتىپ «ۋيېتنام ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغان) نى قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ قوراللىق كۈرەشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئىنقىلابىي تايانچ بازىلارنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش قارار قىلىنغان. 1945-يىلىنىڭ باشلىرىدا، ۋيېتنام خەلقى ياپونغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىغان، قوراللىق كۈرەش ئۈزلۈكسىز غەلىبىگە ئېرىشىپ، ئازاد رايونلار تەدرىجىي زورايغان. 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلغان. 8-ئاينىڭ 19-كۈنى خانۇي خەلقىنىڭ قوزغىلىڭى ئالدى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. ئارقىدىنلا شۇنخۇا (23-كۈنى)، سايگون (25-كۈنى) ئازاد بولغان. 27-كۈنى ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەشكىل قىلىنغان. 30-كۈنى ياپونىيىنىڭ قورچىقى رۇەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى خانى باۋدا تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان. ئىنقىلاب پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا غەلىبە قىلغان. 9-ئاينىڭ 2-كۈنى خۇزىمىن خانۇيدىكى باتىن مەيدانىدا «مۇستەقىللىك خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، ۋيېتنامنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى ۋە ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان.

ۋيېتنامنىڭ قىسقىچە تارىخى

  • ۋيېتنامنىڭ قىسقىچە تارىخى[يەشمىسى:]»«بۈيۈك ۋيېتنامنىڭ قىسقىچە تارىخى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋيېتنامنىڭ ئەڭ قەدىمكى يىلنامە شەكلىدىكى تارىخ كىتابى. خەنزۇچە يېزىلغان. ئاپتورى ئېنىق ئەمەس، تەخمىنەن چېن سۇلالىسى (0041 - 5221) دەۋرىدىكىلەر تەرىپىدىن يېزىلغان. جەمئىي ئۈچ توم. بىرىنچى تومى رىۋايەتلەر دەۋرىدىن باشلىنىپ، ئالدىنقى لى سۇلالىسى مۇنقەرز بولغانغا قەدەر تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ ئىككىنچى، ئۈچىنچى توملىرىدا رۇەن سۇلالىسى (يەنى لى سۇلالىسى) دىكى تارىخىي ئىشلار ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئاخىرىغا چېن سۇلالىسىنىڭ يىلنامىسى قوشۇمچە قىلىنغان. ۋيېتنامنىڭ ئۆزىدە يوقىلىپ كەتكەن، جۇڭگوغا تارقالغان بولۇپ، «تۆت يۈرۈش كىتابلار» غا كىرگۈزۈلگەن. ۋيېتنامنىڭ قەدىمكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم كىتاب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ۋيېتنامنىڭ لائوسقا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى

  • ۋيېتنامنىڭ لائوسقا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى[يەشمىسى:]» ۋيېتنام كېيىنكى لى سۇلالىسىنىڭ 1479-يىلىدىكى لائوسقا كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى. 8-ئايدا لى شېنزۇڭ 180 مىڭ ئەسكەرنى بەش يولغا بۆلۈپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھەمدە لائوسنىڭ جەنۇبىي پايتەختى لاڭبولاباڭنى ئېلىپ، بىرمىنىڭ چېگرىسىغىچە بېسىپ كەلگەن. ئەمما لائوس خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ئۇزۇنغا قالماي چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.

ۋيېتنامنىڭ مۇستەقىللىك خىتابنامىسى

  • ۋيېتنامنىڭ مۇستەقىللىك خىتابنامىسى[يەشمىسى:]» ۋيېتنامنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى جاكارلانغان خىتابنامە. 1945-يىلى ۋيېتنامنىڭ ئاۋغۇست ئىنقىلابى غەلىبە قىلغان. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى خانۇيدىكى باتىن مەيدانىدا غەلىبىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن 500 نەچچە مىڭ كىشىلىك چوڭ يىغىندا، رەئىس خۇزىمىن ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن بۇ خىتابنامىنى ئوقۇغان. خىتابنامىدە ۋيېتنامنىڭ 80 يىللىق مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىق ۋە نەچچە مىڭ يىللىق فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ، مىللەتنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، يېڭى ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى جاكارلانغان. خىتابنامىدە يەنە «ۋيېتنام فرانسىيىنىڭ بارلىق كونا شەرتنامىلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، فرانسىيىنىڭ ۋيېتنامدىكى بارلىق ئىمتىيازىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ» دەپ جاكارلانغان ھەمدە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى «بارلىق روھى ۋە كۈچى بىلەن، ھاياتى ۋە مال-مۈلكى بىلەن قەتئىي ئىتتىپاقلىشىپ، بۇ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىك ھوقۇقىنى قوغداش» قا چاقىرغان. «مۇستەقىللىك خىتابنامىسى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ۋيېتنام تارىخىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقان.

ۋېنتىيان دۆلىتى

  • ۋېنتىيان دۆلىتى[يەشمىسى:]» (Vientiane) 1707-يىلى لائوس لان چاڭ (Lan Chang) پارچىلانغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن مۇستەقىل دۆلەت. ئۇ مېكونگ دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. پايتەختى ۋيېتىيان. دۆلەت كۈچى بىر مەھەل كۈچلۈك بولغان، شىمالدىكى لۇاڭپراباڭ (Louangphraband) دۆلىتى بىلەن قارىمۇ-قارشى ئىدى. 1778-يىلى ۋېنتىيان سىيام (ھازىرقى تايلاند) تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، سىيامغا بويسۇندۇرۇلغان. چاۋئانۇ (Chao Anou،8281 - 5081-يىلى تەختتە) چامپاسساك بىلەن بىرلىشىپ سىيامغا قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرگەن. 1828-يىلى سىيام تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ۋېنتىيان دۆلىتى ھالاك بولغان.

ۋېنتىيان كېلىشىمى

  • ۋېنتىيان كېلىشىمى[يەشمىسى:]» تولۇق ئاتىلىشى «لائوستا تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مىللىي ئىناقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى كېلىشىم». 1973-يىل 2-ئاينىڭ 21-كۈنى لائوس ۋەتەنپەرۋەر كۈچلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ۋەكىلى ۋېنتىياندا رەسمىي ئىمزالىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: پۈتۈن لائوستا ئۇرۇشنى توختىتىپ، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ لائوسنىڭ مۇستەقىللىكىنى، ئىگىلىك ھوقۇقىنى، بىرلىكىنى ۋە زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداپ ۋە ئىشقا ئاشۇرۇپ، لائوسنىڭ ئىچكى مەسىلىسىنى چەت ئەلنىڭ مۇداخىلىسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىمزا قويغۇچى ئىككى تەرەپ مىللىي ئىناقلىق روھىغا ئاساسەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك؛ ئامېرىكا 1962-يىلدىكى جەنۋە كېلىشىمىگە قەتئىي ھۈرمەت قىلىش ۋە ئادا قىلىش، لائوستىكى بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى مەڭگۈ توختىتىش؛ يېڭى ۋاقىتلىق مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى ۋە مىللىي سىياسىي بىرلەشمە كومىتېتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇ يىل 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىككى تەرەپ ۋېنتىياندا كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش توختامنامىسىگە ئىمزا قويغان. 74-يىل 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋاقىتلىق مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمەت ۋە مىللىي سىياسىي بىرلەشمە كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىككى مەركىزىي ھاكىمىيەت ئورگىنى سۈپىتىدە قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان.