ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

3 ب🔗

ب

بابⅠ

بابⅡ

باببىت

بابلاتماق

بابلاشماق

بابلانماق

بابلىماق

بابلىق

بابمۇباب

بابۇنە

بابۇئىن

بابىدا

باپكار

باپكارلىق

باتات

باتارېيە

باتارېيىلىك

باتاليون

باتسىتراتسىن

باتناتماق

باتناشماق

باتنىخور

باتنىماق

باتۇر

باتۇرانە

باتۇرلارچە

باتۇرلاشتۇرماق

باتۇرلاشماق

باتۇرلۇق

باتىل

باتىن

باج

باجا

باجخانا

باج-خىراج

باج-سېلىق

باجسىز

باجگىر

باجگىرلىك

باجلاتماق

باجلانماق

باجلىماق

باجىڭگىر

باجىلىق

باجىماق

باجياۋ

باچكاⅠ

باچكاⅡ

باچكىلاتماق

باچكىلىماق

باخ

باخ ئەتمەك

باخت

باخشىⅠ

باخشىⅡ

باخشىلىقⅠ

باخشىلىقⅡ

باد

بادارغا

باداشقان

باداڭ

بادام

بادامبەز

بادامچە

بادامدوپپا

بادامسىمان

بادامگۈل

باداملىق

بادە

بادرا

بادرەنجىبۇيا

بادىسابا

بارⅠ

بارⅡ

باراⅠ

باراⅡ

بارا-بارا

بارابان

بارابانچى

بارابانچىلىق

بارابانلىق

بارات

باراقسان

باراقسانلاشتۇرماق

باراقسانلاشتۇرۇلماق

باراقسانلاشماق

باراقسانلىق

باراقسانلىماق

باراڭ

باراڭلىق

باران

بارانا

باراۋەت

باراۋەتخانا

باراۋەر

باراۋەرسىز

باراۋەرسىزلىك

باراۋەرلەشتۈرمەك

باراۋەرلەشتۈرۈلمەك

باراۋەرلەشمەك

باراۋەرلىك

باربىت

بارتو

بارچە

بارخان

بارخانلاشماق

بارخانلىماق

بارداق

باردى-كەلدى

بارژا

بارس

بارغانچە

بارغانسېرى

بارغۇزماق

بارغىندى

بارقا

بارگاھ

بارلاس

بارلىقⅠ

بارلىقⅡ

بارماقⅠ

بارماق تىلى

بارماق ۋەزىن

بارمىقىنى چىشلىمەك

بارماقⅡ

بارماقچىلىك

بارماقلىق

باروتېرموگراف

باروگراف

بارومېتىر

بارومېتىرلىق

بارون

بارى

بارىت

بارىچە

بارىدا

بارىسىدا

بارىكادا

بارىكاللا

بارىئون

بارىي

بارىي بوتقىسى

بارىيلىق

بار-يوق

بار يوق دېمەي

بار-يوقى

باريېر

باز

بازا

بازار

بازار تالاشماق

بازار چاققاننىڭ

بازاردا بار گەپ

بازىرى بار

بازىرى چىقماق

بازارچى

بازارچىلىماق

بازارلىق

بازارلىماق

بازارمۇبازار

بازالت

بازالتلىق

باز-باز

باز-بازغا چۈشمەك

باز-بازغا سالماق

بازغان

بازغانچى

بازغانچىلىق

بازغانلاتماق

بازغانلاشماق

بازغانلىماق

بازغىتماق

بازغىشماق

بازغىماق

بازلاتماق

بازلاشماق

بازلىماق

بازىس

بازىلىماق

بازىمەن

بازىمەنچى

باس

باس-باس

باس-باسچىلىق

باستون

باستۇرما

باستۇرماق

باستۇرۇشماق

باستۇرۇق

باستۇرۇقلۇق

باستۇرۇلماق

باسقاق

باسقان

باسقۇچⅠ

باسقۇچⅡ

باسقۇچⅢ

باسقۇچلۇق

باسقۇچلۇقلۇق

باسقۇچمۇباسقۇچ

باسقۇن

باسقۇنچى

باسقۇنچىلىق

باسما

باسماقⅠ

باسماقⅡ

باسماقⅢ

بېسىپ ئولتۇرماق

باسماقچى

باسمادىماق

باسماقدىماق

باسماقلىقⅠ

باسماقلىقⅡ

باسمىچى

باسمىچىلىق

باسمىخانا

باسمىل

باسنوشكا

باسۇرماق

باسۇرۇق

باسۇرۇقلۇق

باسىق

باش

باش ئاغرىماق

باش ئەگمەك

باش باھار

باش تارتماق

باش توخۇ

باش تولغىماق

باش تومۇز

باش تىققۇدەك

باش چۆكۈرمەك

باش ساقايماق

باشقا پىت چۈشمەك

باش قاتماق

باش قاتۇرماق

باش قىش

باشقا كەلمەك

باش كۈز

باشقا كۈن چۈشمەك

باشقا كىيمەك

باش كۆتۈرمەك

باش كېلىش

باش ئۈستىگە

باش ياز

بېشى ئاسمانغا تاقاشماق

بېشى ئاسمانغا يەتمەك

بېشى باغلانماق

بېشى بوش

بېشى پىشماق

بېشى چوڭ

بېشى چۈشمەك

بېشىدا ياڭاق چاقماق

بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتمەك

بېشىغا چىقماق

بېشىنى باغلىماق

بېشىنى سىلىماق

بېشىنىڭ سۈيى بار

بېشىنى ئوڭلىماق

بېشىنى يەيدىغان

بېشىنى يېمەك

باشاقⅠ

باشاقⅡ

باشاقⅢ

باشاقسىز

باشاقسىمان

باشاقلانماق

باشاقلىق

باشاقلىماق

باش-ئاخىر

باش-ئاياغ

باشباشتاق

باشباشتاقلىق

باش-بۇرۇن

باشپاناھ

باشپاناھسىز

باشپاناھلىق

باشتىن-ئاخىر

باشتىن-ئاياغ

باشچى

باشچىلىق

باشسىز

باشسىمان

باشقا

باشقا-باشقا

باشقارما

باشقۇرتماق

باشقۇرغۇچى

باشقۇرماق

باشقۇرۇشماق

باشقۇرۇلماق

باشقۇرۇلىدىغان

باشقىچە

باشقىدىن

باشقىرت

باشقىرتچە

باش-كۆز

باشلاپ

باشلاتماقⅠ

باشلاتماقⅡ

باشلاشماق

باشلام

باشلامباش

باشلامچى

باشلامچىلىق

باشلانغۇچ

باشلانما

باشلانماقⅠ

باشلانماقⅡ

باشلىقⅠ

باشلىقⅡ

باشلىقسىز

باشلىقلىقⅠ

باشلىقلىقⅡ

باشلىماقⅠ

باشلىماقⅡ

باشماق

باشمالتاق

باشمۇباش

باشنىك

باش-ئۇچ

باشۋاغ

باشى

باغⅠ

باغⅡ

باغاش

باغاشلاشماق

باغاشلىماق

باغاق

باغاقچە

باغ-بوستان

باغ-بوستانلاشماق

باغ-بوستانلىق

باغجانلىماق

باغچە

باغچى

باغچىلىق

باغدىن-تاغدىن

باغلاتماق

باغلاشماق

باغلاق

باغلاقسىز

باغلاقلىق

باغلام

باغلام-باغلام

باغلانچى

باغلانما

باغلانماق

باغلىغۇچ

باغلىغۇچى

باغلىقⅠ

باغلىقⅡ

باغلىماق

باغلىنىش

باغلىنىشسىز

باغلىنىشلىق

باغمۇباغ

باغۇبوستان

باغۋاران

باغۋارانلاشتۇرماق

باغۋارانلاشتۇرۇلماق

باغۋارانلاشماق

باغۋارانلىق

باغۋەن

باغۋەنچىلىك

باغۋەنلىك

باغىر

باغرى تاش

باغرى كاۋاپ

باغىرتاق

باقار

باقالى

باقاندەك

باقاۋۇل

باقتۇرماق

باقتۇرۇلماق

باققال

باققالچىلىق

باققاللىق

باقما

باقماق

باقمىچى

باقمىچىلىق

باقىلە

باقىمەندە

باقىمەندىلىك

باقىي

باقىي ئالەم

باقىي دۇنيا

باك

باكالاۋر

باكتېرىن

باكتېرىئوفاگ

باكتېرىئولوگ

باكتېرىئولوگىيە

باكتېرىئولوگىيىلىك

باكتېرىيە

باكتېرىيىلىك

باكېلىت

باگۇ

باگۇچىلىق

باڭⅠ

باڭⅡ

باڭⅢ

باڭلىق

بالⅠ

بالⅡ

بالاⅠ

بالاⅡ

بالاⅢ

بالا بېشى

بالا-چاقا

بالا-چاقىسىز

بالا-چاقىلىق

بالاخور

بالاخورلۇق

بالادەك

بالاغەت

بالا-قازا

بالالايكا

بالالىقⅠ

بالالىقⅡ

بالانس

بالانسلاشتۇرماق

بالانسلاشتۇرۇلماق

بالانسلاشماق

بالايىئاپەت

بالايىئاپەتلىك

بالايىئەزىم

بالايىبەتتەر

بالبال

بالبۇئا

بالچى

بالچىلىق

بالداق

بالداقلاتماق

بالداقلاشماق

بالداقلانماق

بالداقلىق

بالداقلىماق

بالداقمۇبالداق

بالدۇر

بالدۇرقى

بالدۇرلۇق

بالدىرغان

بالدىرغانلىق

بالدىز

بالغۇن

بالقىماق

بالكون

بالكونسىز

بالكونلۇق

باللادا

باللىستىكا

باللىماق

بالنىست

بالون

بالونلۇق

بالېت

بالېتچى

بالېتلىق

بالىجان

بالىچان

بالىچانلىق

بالىچۇق

بالىچىلاپ

بالىچىلىق

بالىچىلىماق

بالىخانا

بالىخانىلىق

بالىدىن-بالىغا

بالىسىرىماق

بالىسىز

بالىسىزلىق

بالىغ

بالىكا

بالىلاتماق

بالىلارچە

بالىلىق

بالىلىماق

بالىمان

بالىمانچى

بالىۋاقا

بالىۋاقىلىق

بالىياتقۇ

بامەسلىھەت

بامبۇك

بامبۇكزار

بامبۇكزارلىق

بامبۇكسىمان

بامبۇكلۇق

بامدات

بانان

بانانلىق

بانتىك

بانتىكلاتماق

بانتىكلىماق

بانداژ

باندۇرا

باندۇرىچى

باندىت

باندىتلىق

بانكاⅠ

بانكاⅡ

بانكىر

باھا

باھار

باھاسىز

باھالاتماق

باھالاش

باھالاشماق

باھالانماق

باھالىق

باھالىماق

باھانە

باھانە-سەۋەب

باھانىدىماق

باۋئەن

بائىس

باي

بايا

بايات

باياتىن

باياتىنقى

باياشات

باياشاتچىلىق

باياشاتلاشتۇرماق

باياشاتلاشماق

باياشاتلىق

بايانⅠ

بايانⅡ

بايانات

باياناتچى

بايانچى

باياننامە

باياۋان

بايتاسۇن

بايتال

بايچېچەك

بايراق

بايراقچە

بايراقچى

بايراقدار

بايراقلىق

بايرام

بايراملىق

بايزادە

بايقاشماق

بايقالماق

بايقۇت

بايقۇش

بايقىماق

بايلىق

بايناق

بايۋەچچە

بايۋەچچىلىك

بايىقى

بەئەينى

بەپ-بەپ

بەپبەپلەشمەك

بەپبەپلىمەك

بەت

بەتئەخلاق

بەتەھقىق

بەتبەخت

بەتبەختلىك

بەتبەشىرە

بەتبەشىرىلىك

بەتبۇي

بەتبۇيلۇق

بەتتە

بەتتەر

بەتتەرلەشتۈرمەك

بەتتەرلەشمەك

بەتتەم

بەتتەملىك

بەتخەج

بەتخەجلىك

بەتخۇي

بەتخۇيلۇق

بەترەڭ

بەتسىز

بەتقىلىق

بەتقىلىقلىق

بەتكەردە

بەتگۇپا

بەتگۇمان

بەتگۇمانلىق

بەتلەتمەك

بەتلەشمەك

بەتلەكلىك

بەتلەنمەك

بەتلىك

بەتلىگۈچ

بەتلىمەك

بەتمۇبەت

بەتمۇقام

بەتنام

بەتنىيەت

بەتنىيەتلىك

بەتھەيۋەت

بەتىس

بەتىنكە

بەجا

بەجانىدىل

بەجانىدىللىق

بەجايىكى

بەچچە

بەچچىخەر

بەچچىۋاز

بەچچىۋازلىق

بەچىدان

بەخت

بەختكە قارشى

بەختكە يارىشا

بەختى قارا

بەخت-پېشانە

بەخت-تەلەي

بەخت-تەلەيلىك

بەخت-سائادەت

بەخت-سائادەتلىك

بەختسىز

بەختسىزلىك

بەختلىك

بەختىيار

بەختىيارلىق

بەخش

بەخشەندە

بەخشەندىلىك

بەخىرامان

بەخىرامانلىق

بەداز

بەدەر

بەدەل

بەدەلسىز

بەدەللىك

بەدەن

بەدەنلىك

بەدەۋى

بەدەۋىلىك

بەدرەك

بەدۆلەت

بەدىئىي

بەدىئىي تىل

بەدىئىيلەشتۈرمەك

بەدىئىيلەشتۈرۈلمەك

بەدىئىيلەشمەك

بەدىئىيلىك

بەرەس

بەرەھنە

بەربات

بەرباتلىق

بەرپا

بەرجەس

بەرچەتكە

بەرداش

بەرداشسىز

بەرداشلىق

بەردەم

بەردەملىك

بەردەنكە

بەررە

بەرغەموت

بەرق

بەرق ئۇرماق

بەرقارار

بەرقارارلىق

بەرگ

بەرگلىمەك

بەرگۈزمەك

بەرمەك

بەرنا

بەرھەق

بەرھەم

بەرۋەن

بەرى

بەرىبىر

بەرىكات

بەرىكە

بەرىكەت

بەرىكەتسىز

بەرىكەتسىزلىك

بەرىكەتلىك

بەرىكىلىك

بەريان

بەز

بەز مارىغان مۈشۈكتەك

بەز يېگەن مۈشۈكتەك

بەزەن

بەزەن-بەزەن

بەزدۈرمەك

بەزدۈرۈشمەك

بەزدۈرۈلمەك

بەزگەك

بەزگەك پلازمودىيىسى

بەزلەتمەك

بەزلەشمەك

بەزلەنمەك

بەزلىك

بەزلىمەك

بەزمە

بەزمەك

بەزمىچى

بەزى

بەزى-بەزىدە

بەزىبىر

بەزىدە

بەسⅠ

بەس تالاشماق

بەس سالماق

بەس كەلمەك

بەسⅡ

بەسەي

بەسەيلىك

بەس-بەس

بەس-بەستە

بەس-بەسچى

بەست

بەستلىك

بەسلەشتۈرمەك

بەسلەشتۈرۈلمەك

بەسلەشمەك

بەس-مۇنازىرە

بەش

بەشئاتار

بەشەيلەن

بەشبارماق

بەشتاش

بەشلەڭ

بەشلىك

بەشمەرەك

بەشىرە

بەشىنچى

بەشىنچىلىك

بەقەسەم

بەقەم

بەقۇۋۋەت

بەكⅠ

بەكⅡ

بەكە

بەگ

بەگ-بىگات

بەگچەك

بەگزادەⅠ

بەگزادەⅡ

بەگلىك

بەڭ

بەڭگى

بەڭگىدىۋانە

بەڭگىلىك

بەڭۋاش

بەڭۋاشلىق

بەلⅠ

بەل باغلىماق

بەل تۇتۇشماق

بەل قويۇۋەتمەك

بېلى بوش

بېلى چىڭ

بېلىگە تەپمەك

بېلى ئېگىلمەك

بەلⅡ

بەلەن

بەلەنلىك

بەلتوسما

بەلچەⅠ

بەلچەⅡ

بەلچەⅢ

بەلچىر

بەلدەتمەك

بەلدەشمەك

بەلدەڭ

بەلدەم

بەلدەنمەك

بەلدىمەك

بەلغەم

بەلغەملىك

بەلكى

بەلكىم

بەلگە

بەلگىسىز

بەلگىسىز ئالماش

بەلگىسىزلىك

بەلگىلەتمەك

بەلگىلەشمەك

بەلگىلەنمەك

بەلگىلىك

بەلگىلىمە

بەلگىلىمەك

بەلگىلىمىسىز

بەلگىلىمىلىك

بەللۇت

بەللى

بەللىك

بەلۋاغ

بەلۋاغلىق

بەلىزگۈل

بەلىش

بەمەلچەك

بەمەلدىرەك

بەن

بەنجاڭ

بەنجاڭلىق

بەندⅠ

بەندⅡ

بەندە

بەندەر

بەندەرگاھ

بەندىچىلىك

بەندىڭ

بەنزە

بەھر

بەھەيۋەت

بەھرە

بەھرەيىن

بەھرىسىز

بەھرىلەندۈرمەك

بەھرىلەنمەك

بەھرىلىك

بەھرىمەن

بەھرىمەنلىك

بەھمەن

بەھۇزۇر

بەۋا

بەيئەت

بەيتۇللا

بەيتۇلمال

بەيتۇلمۇقەددەس

بەيزۇ

بەيزى

بەيگە

بەيگىلىك

بەينەلمىلەل

بەيىنسېرىق

براخما

براخمان

براخمانىزم

براشۇرا

بروم

برونزا

برونې

برونېۋىك

برۇتسېلليۇز

برېزېنت

برىليانت

بلىنداژ

بوپا

بوپىلاتماق

بوپىلاشماق

بوپىلانماق

بوپىلىق

بوپىلىماق

بوتاⅠ

بوتاⅡ

بوتانىكا

بوتقا

بوتقاش

بوتكىلىق

بوتۇڭ

بوتۇڭلۇق

بوتۇلكا

بوتۇلكىلىق

بوتى

بوتىچاق

بوتىلاتماق

بوتىلاق

بوتىلىماق

بوجا

بوجاڭ

بوجاڭلىق

بوچى

بوچىخانا

بوختاق

بوخولور

بودا

بوداتماق

بودارغان

بوداشماق

بوداق

بودالماق

بودەكⅠ

بودەكⅡ

بودەكشىمەك

بودولغۇ

بودىماق

بورⅠ

بورⅡ

بور دەۋرى

بورا

بورات

بوران

بوران-چاپقۇن

بوران-چاپقۇنلۇق

بورانقۇش

بورانلىق

بورداتماق

بورداشماق

بورداق

بورداقچى

بورداقچىلىق

بوردالماق

بوردانماق

بوردۇ

بوردىماق

بورسۇق

بورغۇل

بورلۇق

بورۇن

بورۇنلۇق

بورىچى

بورىچىلىق

بورىقىياق

بورىيا

بوزⅠ

بوزⅡ

بوزا

بوزارتماق

بوزارتىلماق

بوزارماق

بوزاڭ

بوزاڭلاشماق

بوزەك

بوزەكلىك

بوزتىكەن

بوزقىيا

بوزلاتماق

بوزلاشماق

بوزلۇق

بوزلىماق

بوزۇن

بوزىچى

بوزىچىلىق

بوزىخانا

بوزىرىشماق

بوسە

بوستان

بوستانلاشتۇرماق

بوستانلاشماق

بوستانلىق

بوسو

بوسۇت

بوسۇتلۇق

بوسۇغا

بوسۇغىسى ئېگىز

بوسۇغىلىق

بوسۇقⅠ

بوسۇقⅡ

بوسۇنچۇق

بوش

بوشاتماق

بوشاشتۇرماق

بوشاشماق

بوشاڭ

بوشاڭلىق

بوشاندۇرماق

بوشانماق

بوشتىن-بوش

بوشلۇق

بوشىتىلماق

بوشىقى

بوشىماق

بوغا

بوغاز

بوغالتىر

بوغالتىرلىق

بوغالتىرىيە

بوغجۇما

بوغجۇمىلاتماق

بوغجۇمىلاشماق

بوغجۇمىلانماق

بوغجۇمىلىق

بوغجۇمىلىماق

بوغچا

بوغچىلىماق

بوغدۇرماق

بوغرۇل

بوغقۇچ

بوغقۇچلاتماق

بوغقۇچلانماق

بوغقۇچلىماق

بوغماⅠ

بوغماⅡ

بوغماقⅠ

بوغماقⅡ

بوغماقⅢ

بوغۇرساق

بوغۇزⅠ

بوغۇزⅡ

بوغۇزخانا

بوغۇزلاتماق

بوغۇزلاشماق

بوغۇزلانماق

بوغۇزلۇقⅠ

بوغۇزلۇقⅡ

بوغۇزلىماق

بوغۇشماق

بوغۇق

بوغۇقلۇق

بوغۇلماق

بوغۇم

بوغۇم-بوغۇم

بوغۇملۇق

بوغۇملۇق يېزىق

بوغۇنⅠ

بوغۇنⅡ

بوغۇناق

بوغۇنداش

بوغۇنۇقماق

بوغىچى

بوغىچىلىق

بوقتاق

بوقتوغ

بوقۇرماق

بوقۇرۇشماق

بوقۇرۇلماق

بوقۇسا

بوكس

بوكسچى

بوكسچىلىق

بوڭ

بوڭ-بوڭ

بوڭبوڭ

بوڭبوڭ قوڭغۇز

بوڭۇلداتماق

بوڭۇلداشماق

بوڭۇلدىماق

بولا

بولاتماق

بولار

بولار-بولماس

بولارلىق

بولاشماق

بولاقⅠ

بولاقⅡ

بولاقلىق

بولاڭخۇي

بولانماق

بولتا

بولتىلىق

بولتىلىماق

بولجاⅠ

بولجاⅡ

بولجالاتماق

بولجالىق

بولجالىماق

بولدۇرماقⅠ

بولدۇرماقⅡ

بولدۇرۇلماق

بولدى

بولدى قىلماق

بولسا

بولشېۋىزم

بولشېۋىزملىق

بولشېۋىك

بولشېۋىكلارچە

بولشېۋىكلىق

بولغۇسى

بولغۇلۇق

بولقا

بولقىلاتماق

بولقىلاشماق

بولقىلانماق

بولقىلىماق

بولكا

بولكىچى

بولكىچىلىق

بولكىخانا

بولماقⅠ

بولماقⅡ

بولمىغۇر

بولمىغۇرلۇق

بولۇپمۇ

بولۇشتۇرماق

بولۇشسىز

بولۇشسىز ئالماش

بولۇشسىز پېئىل

بولۇشسىزلىق

بولۇشقاق

بولۇشلۇق

بولۇشلۇق پېئىل

بولۇشماق

بولۇشىچە

بولۇشىغا

بولۇق

بولۇم

بولۇمسىز

بولۇمسىزلىق

بولۇنماق

بولىماق

بولىۋار

بومⅠ

بومⅡ

بومبا

بومباردىمان

بومباردىمانچى

بومباردىمانچىلىق

بومبىلاتماق

بومبىلاشماق

بومبىلانماق

بومبىلىماق

بوھتان

بوھتانچى

بوھران

بوۋا

بوۋاسىر

بوۋاق

بوۋاقلىق

بوۋاي

بوۋىقۇش

بوي

بويىدا قالماق

بويىدىن ئاجرىماق

بويى كىر

بويىغا يەتمەك

بوياتماق

بوياشماق

بوياقⅠ

بوياقⅡ

بوياقچى

بوياقچىلىق

بوياقخانا

بوياقسىز

بوياقلىق

بويالماق

بوي-بەست

بويتاسما

بويتاق

بويتاقچىلىق

بويتاقلىق

بوي-تۇرق

بويچىلىق

بويسۇندۇرماق

بويسۇندۇرۇلماق

بويسۇنماق

بويسۇنۇشماق

بويسۈرە

بويلاتماق

بويلاشماق

بويلام

بويلانماق

بويلۇق

بويلىما

بويلىماق

بويناق

بويۇن

بوينىغا مىنمەك

بوينى قاتتىق

بوينى قىسىق

بوينى قىسىلماق

بوينى يۇمشاق

بويۇنتاۋلىق

بويۇنتۇرۇق

بويۇنتۇرۇقلۇق

بويۇنچاق

بويۇنچاقلىق

بويۇنچە

بويۇنچۇق

بويۇنداشماق

بويۇندىماق

بويۇنكەش

بويۇنكەشلىك

بويۇنلۇق

بويىچە

بويىما

بويىماق

بۇ

بۇ ئالەم

بۇت

بۇتادىئېن

بۇتان

بۇتپەرەس

بۇتپەرەسلىك

بۇتتەك

بۇتخانا

بۇجۇغۇر

بۇخسۇتماق

بۇخسۇماق

بۇددا

بۇددا دىنى

بۇددىچىلىق

بۇددىزم

بۇددىست

بۇددىستلىق

بۇدرۇق

بۇدساتۋا

بۇدۇشقاق

بۇدۇشقاقلىق

بۇدۇڭتەي

بۇدۇڭشىماق

بۇراتماق

بۇرادەر

بۇرادەرچىلىك

بۇرادەرلىك

بۇراشماق

بۇراق

بۇرالقا

بۇرالما

بۇرالماق

بۇرام

بۇرج

بۇرجەك

بۇرجۈن

بۇرچ

بۇرچلۇق

بۇرداⅠ

بۇرداⅡ

بۇردا-بۇردا

بۇردىلاتماق

بۇردىلاشماق

بۇردىلانماق

بۇردىلىماق

بۇرژۇئا

بۇرژۇئاز

بۇرژۇئازلاشتۇرماق

بۇرژۇئازلاشماق

بۇرژۇئازىيە

بۇرژۇئازىيىلىك

بۇرغاⅠ

بۇرغاⅡ

بۇرغا-ناغرا

بۇرغىلاتماق

بۇرغىلاشماق

بۇرغىلانماق

بۇرغىلىق

بۇرغىلىماق

بۇرما

بۇرمىلاتماق

بۇرمىلاشماق

بۇرمىلانماق

بۇرمىلىق

بۇرمىلىماق

بۇرناكۈن

بۇرناكۈنكى

بۇرھان

بۇروۋاي

بۇرۇت

بۇرۇتىغا چاڭگا (چالما) تىزماق

بۇرۇتلۇق

بۇرۇقتۇرما

بۇرۇقتۇرماق

بۇرۇقتۇرمىلىق

بۇرۇقتۇم

بۇرۇقتۇملۇق

بۇرۇقماق

بۇرۇلدۇرماق

بۇرۇلكا

بۇرۇلماق

بۇرۇلۇش

بۇرۇنⅠ

بۇرنىدىن بۇلاق قىلماق

بۇرنىدىن چۈلۈك ئۆتكۈزمەك

بۇرنىدىن چىقارماق

بۇرنىدىن چىققۇچە

بۇرنىدىن ئىلىنماق

بۇرنىدىن يېتىلىمەك

بۇرنىغا سۇ كىرمەك

بۇرنىغا مۇشت يېمەك

بۇرنىغا يېمەك

بۇرنىنىڭ بېزىنى ئالماق

بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرمەك

بۇرۇنⅡ

بۇرۇن-بۇرۇندىن

بۇرۇندىن

بۇرۇنقى

بۇرۇنقىلار

بۇرۇنلۇق

بۇرىماق

بۇزدۇرماق

بۇزغۇنچى

بۇزغۇنچىلىق

بۇزماق

بۇزۇشماق

بۇزۇق

بۇزۇقچىلىق

بۇزۇقلۇق

بۇزۇلماق

بۇزۇن

بۇزىلىماق

بۇژ

بۇژژىدە

بۇژغۇن

بۇژغۇنلانماق

بۇژغۇنلۇق

بۇژغۇنلىماق

بۇژۇلداتماق

بۇژۇلداشماق

بۇژۇلدىماق

بۇس

بۇسلۇق

بۇغ

بۇغا

بۇغا-مارال

بۇغداي

بۇغدايلىق

بۇغدىيەك

بۇغدىيەكلىك

بۇغرا

بۇغىتاپان

بۇغىچى

بۇغىچىلىق

بۇغىئوت

بۇفېت

بۇق

بۇقاⅠ

بۇقاⅡ

بۇق-بۇق

بۇقۇلداتماق

بۇقۇلداشماق

بۇقۇلدىماق

بۇقىچاق

بۇقىسىراتماق

بۇقىسىرىماق

بۇلⅠ

بۇلⅡ

بۇلاپ-تالاپ

بۇلاپكا

بۇلاپكىلىق

بۇلاتماقⅠ

بۇلاتماقⅡ

بۇلاش-تالاش

بۇلاشماقⅠ

بۇلاشماقⅡ

بۇلاق

بۇلاقلىق

بۇلاڭⅠ

بۇلاڭⅡ

بۇلاڭ-تالاڭ

بۇلاڭچە

بۇلاڭچى

بۇلاڭچىلىق

بۇلانماقⅠ

بۇلانماق

بۇلبۇل

بۇلبۇلەك

بۇلبۇلگويا

بۇلتۇر

بۇلتۇرقى

بۇلتۇلىماق

بۇلجۇتماق

بۇلجۇتماي

بۇلجۇشماق

بۇلجۇڭ

بۇلجۇڭ گۆش

بۇلجۇماق

بۇلدۇق

بۇلدۇق-بۇلدۇق

بۇلدۇقلاتماق

بۇلدۇقلاشماق

بۇلدۇقلىماق

بۇلغاتماق

بۇلغار

بۇلغارچە

بۇلغارى

بۇلغاشماق

بۇلغانما

بۇلغانماق

بۇلغۇچلىماق

بۇلغۇن

بۇلغىماق

بۇلماق

بۇلۇت

بۇلۇتسىز

بۇلۇتسىمان

بۇلۇتلانماق

بۇلۇتلۇق

بۇلۇق

بۇلۇق-بۇلۇق

بۇلۇقلاتماق

بۇلۇقلىماق

بۇلۇڭ

بۇلۇڭ-پۇچقاق

بۇلۇڭچى

بۇلۇڭسىمان

بۇلۇڭلۇق

بۇلىماقⅠ

بۇلىماقⅡ

بۇمازې

بۇنچە

بۇنچىلا

بۇنچىلىك

بۇنچىۋالا

بۇنداق

بۇنىڭلىق

بۇنيات

بۇۋانە

بۇي

بۇيا

بۇياق

بۇيان

بۇيانقى

بۇيرۇت

بۇيرۇتما

بۇيرۇتماق

بۇيرۇتمىچى

بۇيرۇتۇلماق

بۇيرۇشماق

بۇيرۇق

بۇيرۇق پېئىل

بۇيرۇقچى

بۇيرۇقچىلىق

بۇيرۇقۋاز

بۇيرۇقۋازلىق

بۇيرۇلماق

بۇيرۇماق

بۇيلۇق

بۇيۇم

بۇيۇملاشتۇرماق

بۇيۇملاشقان

بۇيۇملاشماق

بۇيى

بۇيىلىق

بۆⅠ

بۆⅡ

بۆجەتمەك

بۆجەشمەك

بۆجەلمەك

بۆجەن

بۆجەنلىمەك

بۆجەيگەك

بۆجەيمەك

بۆجى

بۆجىمەك

بۆدۈنە

بۆدۈنىۋاز

بۆدۈنىۋازلىق

بۆرە

بۆرەك

بۆرەكسىمان

بۆرتكۈزمەك

بۆرتمە

بۆرتمەك

بۆرىسامسىقى

بۆرىسويمىسى

بۆرىقۇيرۇق

بۆرىكۆز

بۆرىيېمەس

بۆز

بۆزچى

بۆزچىلىك

بۆستۈرمەك

بۆسكەك

بۆسمە

بۆسمەك

بۆسۈش

بۆسۈشمەك

بۆسۈلمەك

بۆشۈك

بۆك

بۆكەنⅠ

بۆكەنⅡ

بۆكتەر

بۆكتەرگە

بۆكتەرلەتمەك

بۆكتەرلەشمەك

بۆكتەرلەنمەك

بۆكتەرلىمەك

بۆكتۈرگە

بۆكتۈرمە

بۆكچان

بۆكسە

بۆكمەك

بۆكۈل

بۆگەن

بۆگەنلىمەك

بۆلە

بۆلە يارماق

بۆلەشمەك

بۆلەك

بۆلەك-بۆلەك

بۆلەكتىن

بۆلەكچە

بۆلەكلەتمەك

بۆلەكلەش

بۆلەكلەنمەك

بۆلەكلىك

بۆلەكلىمەك

بۆلەنچۈك

بۆلەنمەك

بۆلجۈرگەن

بۆلجۈرگەنلىك

بۆلدۈرمەك

بۆلگە

بۆلگۈچ

بۆلگۈچى

بۆلگۈنچى

بۆلگۈنچىلىك

بۆلمە

بۆلمەك

بۆلۈش

بۆلۈشمەك

بۆلۈم

بۆلۈمچە

بۆلۈنگۈچى

بۆلۈنمە

بۆلۈنمەك

بۆلىمەك

بۈجۈ

بۈدۈر

بۈدۈر-بۈدۈر

بۈدۈر-چوقۇر

بۈدۈرلەتمەك

بۈدۈرلەشمەك

بۈدۈرلەنمەك

بۈدۈرلۈك

بۇدۈرلىمەك

بۈرەندە

بۈركۈت

بۈركۈتسىمان

بۈرگە

بۈرگۈن

بۈزرۈك

بۈزرۈكگاھ

بۈزرۈكۋار

بۈك

بۈك-باراقسان

بۈك-باراقسانلىق

بۈككىدە

بۈكلۈك

بۈگلۈك

بۈگۈن

بۈگۈن-ئەتە

بۈگۈن-ئەتىلىك

بۈگۈنچە

بۈگۈنكى

بۈگۈنلۈك

بۈلدۈرگە

بۈۋى

بۈۋىقاپاق

بۈيۈك

بۈيۈكلەشمەك

بۈيۈكلۈك

بې

بېتالدى

بېتەمتىرا

بېتون

بېتونچى

بېتونلاتماق

بېتونلاشماق

بېتونلىماق

بېجىرتمەك

بېجىرمەك

بېجىرىشمەك

بېجىرىلمەك

بېجىرىم

بېجىرىملىك

بېخى

بېخىچىلىق

بېخىل

بېخىللاشتۇرماق

بېخىللاشماق

بېخىللىق

بېدە

بېدىچى

بېدىچىلىك

بېدىش

بېدىشلىك

بېدىك

بېدىكلىك

بېدىلىك

بېرەرمەن

بېركېلىي

بېرى

بېرىپ

بېرىپ-بېرىپ

بېرىش-كېلىش

بېرىشلىق

بېرىشماق

بېرىشمەك

بېرىقى

بېرىللىي

بېرىلمەك

بېزەپ

بېزەپچىلىك

بېزەپلىك

بېزەتمەك

بېزەرتمەك

بېزەرمەك

بېزەشتۈرۈلمەك

بېزەشمەك

بېزەك

بېزەكلىك

بېزەلمەك

بېزەنمەك

بېزىمەك

بېزىندە

بېسىشماق

بېسىق

بېسىقتۇرماق

بېسىقتۇرۇشماق

بېسىقتۇرۇلماق

بېسىقلىق

بېسىقماق

بېسىلغاق

بېسىلماق

بېسىم

بېسىمدار

بېسىمدارلىق

بېسىملىق

بېسىۋالدى

بېشارەت

بېشارەتلىك

بېشىچە

بېغىر

بېغىرتاق

بېغىرساق

بېغىرلاتماق

بېغىرلاشماق

بېغىرلىغۇچى

بېغىرلىماق

بېغىشⅠ

بېغىشⅡ

بېغىشلاتماق

بېغىشلاشماق

بېغىشلانماق

بېغىشلىما

بېغىشلىماق

بېقىشماق

بېقىلماق

بېقىم

بېقىمتۇل

بېقىمسىز

بېقىمسىزلىق

بېقىندۇرماق

بېقىندۇرۇلماق

بېقىندى

بېقىندىلىق

بېقىنماق

بېقىنىشماق

بېكەت

بېككىرىل

بېكىتكۈزمەك

بېكىتمە

بېكىتمەك

بېكىتىشمەك

بېكىتىكلىك

بېكىتىلمەك

بېكىشمەك

بېكىمەك

بېكىندۈرمەك

بېكىنمە

بېكىنمەك

بېكىنمىچىلىك

بېكىنمىلىك

بېڭلۇڭ

بېگەن

بېگېموت

بېل

بېلەت

بېلەتچى

بېلەتچىلىك

بېلەتسىز

بېلەتلىك

بېلورۇس

بېلىجان

بېلىق

بېلىق كۆزى

بېلىقئالغۇچ

بېلىقچىⅠ

بېلىقچىⅡ

بېلىقچىلىق

بېلىقدان

بېلىقسىمان

بېلىقگۈل

بېلىقلېشى

بېلىقئوتى

بېنەپتە

بېنزول

بېنزوي

بېنزىل

بېنزىن

بېھى

بېھىش

بېھىلىك

بېيىت

بېيىتماق

بېيىتىلماق

بېيىشماق

بېيىماق

بىئارام

بىئارامچىلىق

بىئاراملانماق

بىئاراملىق

بىئارمان

بىئەپ

بىئەپلىك

بىئەجەل

بىئەدەپ

بىئەدەپلىك

بىئەقىل

بىباش

بىباھا

بىبلىئوگراف

بىبلىئوگرافىيە

بىبلىئوگرافىيىلىك

بىپايان

بىپەرداز

بىپەرۋا

بىپەرۋالىق

بىپەم

بىپەيز

بىتاب

بىتابلىق

بىتاقەت

بىتاقەتلىك

بىتەرەپ

بىتەرەپچىلىك

بىتەرەپلەشمەك

بىتەرەپلىك

بىتەرەت

بىتەلەي

بىتەلەيلىك

بىتچىت

بىتۇيۇق

بىتىم

بىجاق

بىجاقىي

بىجە

بىجى

بىجىق

بىجىقىم

بىجىك

بىجىنار

بىجىنبوش

بىچارە

بىچارىلەشتۈرمەك

بىچارىلەشمەك

بىچارىلىك

بىچەل

بىچىم

بىخ

بىخانىمان

بىخەتەر

بىخەتەرلەشتۈرمەك

بىخەتەرلەشمەك

بىخەتەرلىك

بىخەستە

بىخەستەلىك

بىخەۋەر

بىخلاتماق

بىخلاشماق

بىخلاشتۇرماق

بىخلاندۇرماق

بىخلانماق

بىخلىماق

بىخۇد

بىخۇدلاشتۇرماق

بىخۇدلاشتۇرۇلماق

بىخۇدلاشماق

بىخۇدلۇق

بىخۇدۈك

بىخۇدۈكلۈك

بىداد

بىدادلىق

بىدار

بىدارلىق

بىدانە

بىداۋا

بىداياق

بىدئەت

بىدئەتچى

بىدئەتچىلىك

بىدئەتلىك

بىر

بىر ئاش پىشىم

بىر ئالماق

بىر باشتىن

بىر پەللە

بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىماق

بىر تۇغقان

بىر تۆشۈككە سىيمەك

بىر تۈركۈم

بىر تىيىن

بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى

بىر چىشلەم

بىر چىمدىم

بىر دۆۋە

بىر كەلمەك

بىر ئىشتاننى ئارتۇق يىرتقان

بىرئاز

بىراق

بىراقلا

بىراۋ

بىرە-بىرە

بىرە-تولا

بىرەر

بىرەرى

بىرەر-يېرىم

بىرە-سىرە

بىرەن-سىرەن

بىرەھىم

بىرەھىملىك

بىرەيلەن

بىربولسا

بىر-بىر

بىر-بىردىن

بىر-بىرلەپ

بىر-بىرىدىن

بىر-بىرىگە

بىر-بىرىنى

بىرپەس

بىرتالاي

بىرتە-يېرىمتە

بىرتوقاي

بىرتۇرۇپ

بىرتۈرلۈك

بىردە

بىردەك

بىردەكلىك

بىردەم

بىردەملىك

بىردەم-يېرىمدەم

بىردىن

بىردىنبىر

بىردىنلا

بىرر

بىرقانچە

بىرقانداق

بىرقايسى

بىرقەدەر

بىرقۇر

بىرقىسما

بىركەم

بىركىم

بىرگە

بىرلە

بىرلەپ

بىرلەپ-ئىككىلەپ

بىرلەر

بىرلەشتۈرمەك

بىرلەشتۈرۈلمەك

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى

بىرلەشمە

بىرلەشمەك

بىرلەمچى

بىرلەن

بىرلىك

بىرلىكتە

بىرمەھەل

بىرمەھەللىك

بىرمۇبىر

بىرمۇنچە

بىرنەچچە

بىرنەرسە

بىرنۆرى

بىرنېمە

بىرنېمە بولار

بىرھازا

بىرھازالىق

بىرھالدا

بىرئۇچقاش

بىرۋاراقى

بىرىتىۋا

بىرىكتۈرگۈچى

بىرىكتۈرگۈچىلىك

بىرىكتۈرمە

بىرىكتۈرمەك

بىرىكتۈرۈلمەك

بىرىككەن

بىرىككەن سۆز

بىرىكمە

بىرىكمەك

بىرىكىشمەك

بىرىنچى

بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە

بىرىنچى قول

بىرىنچىدىن

بىرىنچىلىك

بىريولى

بىز

بىزار

بىزارلىق

بىزە

بىزەڭ

بىزەڭلەشتۈرمەك

بىزەڭلەشمەك

بىزەڭلىك

بىزەۋتە

بىزمان

بىزمانلىققا

بىزىر

بىس

بىسات

بىساتسىز

بىساتلانماق

بىساتلىق

بىساتلىققا

بىسەرەمجان

بىسەرەمجانلىق

بىستەر

بىسسىز

بىسلىق

بىسلاتماق

بىسلانماق

بىسلىماق

بىسمۇت

بىسمىللا

بىسوراق

بىسيار

بىشەكشىرىن

بىشەم

بىشەملىك

بىشۇ

بىغەرەز

بىغەرەزلىك

بىغەم

بىغەملىك

بىغۇبار

بىقارار

بىقارارلىق

بىقسىتماق

بىقسىق

بىقسىماق

بىقۇۋۋەت

بىقىن

بىقىنداتماق

بىقىنداشماق

بىقىندىماق

بىكار

بىكارچى

بىكارچىلىق

بىكاردىن-بىكار

بىكارلاتماق

بىكارلاشماق

بىكارلانماق

بىكارلىق

بىكارلىماق

بىكېرەك

بىگانە

بىگانىلىك

بىگۇمان

بىگۇناھ

بىگىز

بىگىزتۇمشۇق

بىڭتۇەن

بىڭسى

بىڭگۇر

بىڭگۇرچى

بىڭگۇرچىلىق

بىلەتمەك

بىلەر-بىلمەس

بىلەرمەن

بىلەرمەنلىك

بىلەزۈك

بىلەزۈكلۈك

بىلەشمەك

بىلەك

بىلەكلىكⅠ

بىلەكلىكⅡ

بىلەن

بىلەنمەك

بىلەي

بىلجىرلاتماق

بىلجىرلاشماق

بىلجىرلىماق

بىلدۈرمەك

بىلدۈرۈشمەك

بىلدۈرۈلمەك

بىللاھىئەزىم

بىللە

بىللۇر

بىللىلەشمەك

بىللىلىك

بىلمەسلىك

بىلمەك

بىلىپ-بىلمەي

بىلىشمەك

بىلىم

بىلىمەك

بىلىمچان

بىلىمچانلىق

بىلىمدار

بىلىمدان

بىلىمدانلىق

بىلىمسىز

بىلىمسىزلىك

بىلىملىك

بىلىملىكلىك

بىلىنەر

بىلىنەر-بىلىنمەس

بىلىنەرلىك

بىلىنمەك

بىلىۋېردىن

بىليارت

بىمار

بىمارلىق

بىماس

بىمالال

بىمالاللىق

بىمەززە

بىمەززىلىك

بىمەزگىل

بىمەسەل

بىمەنە

بىمەنىلەشتۈرمەك

بىمەنىلەشتۈرۈلمەك

بىمەنىلەشمەك

بىمەنىلىك

بىمەھەل

بىمىننەت

بىنا

بىنائەن

بىناكار

بىناكارلىق

بىناماز

بىنامازلىق

بىناھايەت

بىناۋا

بىناۋالىق

بىنەپ

بىنەپشە

بىنەپشىگۈل

بىنەپشىلىك

بىنەزەر

بىنەم

بىنەمچى

بىنەملىك

بىنومۇس

بىنومۇسلۇق

بىنۇقسان

بىنېسىپ

بىنت

بىنتلاتماق

بىنتلاشماق

بىنتلانماق

بىنتلىماق

بىھاجەت

بىھايا

بىھايالىق

بىھوش

بىھوشلاندۇرماق

بىھوشلانماق

بىھوشلۇق

بىھۇدە

بىھۇدىلىك

بىھۆرمەت

بىھۆرمەتلىك

بىھېساب

بىئوئاسترونومىيە

بىئوپىگمېنت

بىئوتىن

بىئوخىمىيە

بىئوخىمىيىلىك

بىئوستاتىستىكا

بىئوسفېرا

بىئوفىزىكا

بىئوفىزىكىلىق

بىئوكىلىماتولوگىيە

بىئوگراف

بىئوگرافىيە

بىئوگرافىيىلىك

بىئوگېنېتىكا

بىئولوگ

بىئولوگىيە

بىئولوگىيىلىك

بىئومېتېئورولوگىيە

بىئومېتىر

بىۋاپا

بىۋاپالىق

بىۋاقىت

بىۋاسىتە

بىۋاك

بىۋاكلاشتۇرماق

بىۋاكلاشماق

بىۋەتەن

بىئىختىيار

بىئېتىبار

بىيە

بيۇرو

بيۇروكرات

بيۇروكراتلارچە

بيۇروكراتلاشماق

بيۇروكراتلىق

بيۇروكراتىزم

ئىزاھى

ب

  • ب[يەشمىسى:]«ب» تاۋۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرنىڭ ھەممىسى باشقا تىلدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر بولغاچقا، ئىملاسى بىلەن تەلەپپۇزىدا پەرق بولىدۇ. ① سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «ب» تاۋۇشى مەزكۇر سۆزلەر يەككە ھالىتىدە تۇرغاندا ياكى ئۇلارغا ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، ئىملادا «ب» يېزىلىدۇ، نۇتۇقتا «پ» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تۈرلىنىشى تەلەپپۇزى

  • ئەدىب ئەدىبلەر ئەدىپ، ئەدىپلەر

  • ھېساب ھېسابلىماق ھېساپ، ھېساپلىماق

  • ② ئاخىرى «ب» تاۋۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرنى ئاخىرىغا سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچە «ئى» قوشۇلغاندا، «ب» تاۋۇشى كەلگەن بوغۇم ئوچۇق بوغۇمغا ئۆزگىرىدۇ ۋە «پ» تەلەپپۇزى قىلىنماستىن «ب» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تۈرلىنىشى تەلەپپۇزى

  • رەقىب رەقىبى رەقىبى

  • ئەسۋاب ئەسۋابى ئەسۋابى

  • ③ تىلىمىزدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدا ئەسلىدە «ب» تاۋۇشى بولسىمۇ، لېكىن ھەرقانداق ئەھۋالدا «پ» تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن فونېتىكىلىق پرىنسىپقا ئاساسەن تۈرلەنگەندىمۇ، تۈرلەنمىگەندىمۇ، ئىملا ۋە تەلەپپۇزدىمۇ «پ» ئىپادە قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تۈرلىنىشى تەلەپپۇزى

  • تەلەپ تەلىپى تەلەپ، تەلىپى

  • كاتىپ كاتىپى كاتىپ، كاتىپى

  • 2. «ب» تاۋۇشىنىڭ «ۋ» تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىشى

  • ① بىرىنچى تەركىبى «م، ن» دىن باشقا ئۈزۈك تاۋۇشلار ۋە سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلىشىپ، ئىككىنچى تەركىبى «ب» تاۋۇشى بىلەن باشلىنىدىغان بىرىككەن سۆزلەردە، ئىككىنچى تەركىبنىڭ بېشىدىكى «ب» تاۋۇشى ئىملادىمۇ، تەلەپپۇزدىمۇ «ۋ» غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • بەڭۋاش بەڭۋاش

  • نوختىۋاغ نوختىۋاغ

  • ② بىرىنچى تەركىبى «م، ن» دىن باشقا ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلىشىپ، ئىككىنچى تەركىبى «ب» تاۋۇشى بىلەن باشلىنىدىغان سۆز بىرىكمىلىرى، يەر-جاي ناملىرى ۋە كىشى ئىسىملىرىدا «ب» تاۋۇشى ساقلىنىدۇ ۋە ئىملاسى بويىچە تەلەپپۇزى قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • بېھىشباغ بېھىشباغ

  • توختى باقى توختىباقى

  • ③ «بەر» پېئىلى «ئا، ئە» بىلەن ياسالغان رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ داۋاملىق تۈس كاتېگورىيىسىنى ھاسىل قىلغاندا ، «بەر» پېئىلىنىڭ باش تەرىپىدىكى «ب» تاۋۇشى يېزىقتىمۇ، تەلەپپۇزدىمۇ «ۋ» غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • ياز + ا + بەر يېزىۋەر يېزىۋەر

  • كۆر + ە + بەر كۆرىۋەر كۆرىۋەر

بابⅠ

  • بابⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىتاب، ئەسەر، ماقالە قاتارلىقلارنىڭ ھەربىر ئايرىم بۆلىكى؛ قىسمى:[مىسال:] كىتابنىڭ بىرىنچى بابى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەۋر، سەھىپە:[مىسال:] ئىسلاھات شىنجاڭ تارىخىدا يېڭى باب ئاچتى.[يەشمىسى:] ③ ئامال، چارە:[مىسال:] ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن، جايلايدۇ ھەر باب بىلەن (ماقال).

بابⅡ

  • بابⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ماس، مۇناسىپ، توغرا، مۇۋاپىق؛ لايىق:[مىسال:] باب كەلمەك.  ئاشپەز ئۇستىلار قازانغا باب ساپلانغان يوغان كەپكۈرلەر بىلەن شويلىنىڭ ئوبدان بولۇشى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلماقتا.

باببىت

  • باببىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] قەلەي، قوغۇشۇن ياكى ئاز مىقداردىكى باشقا مېتاللاردىن پايدىلىنىپ ياسالغان، سۈركىلىشكە ئىنتايىن چىداملىق ھەمدە كۆزەينەكنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى قىلىنىدىغان بىر خىل قېتىشما.

بابلاتماق

  • بابلاتماق[يەشمىسى:] «بابلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بابلاشماق

  • بابلاشماق[يەشمىسى:] «بابلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ مۇناپىق ئىپلاسنى باتۇرلار تازا بابلىشىپتۇ-دە دېدى ساقىلى قاردەك ئاقارغان بىر مويسىپىت كىشى زۇنۇننىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قاراپ.

بابلانماق

  • بابلانماق[يەشمىسى:] «بابلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:]

  • كۈرەش تۇغدى داھىينى-ۋەتەن ئوغلى دانانى،

  • ئاتتى قايتىدىن تاڭمۇ، شۇملار خويمۇ بابلاندى.

بابلىماق

  • بابلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئەدىپىنى، جازاسىنى بەرمەك؛ جايلىماق:[مىسال:] − يەپ تويماس باجگىرلارنى راسا بابلاپتۇ-دە؟ − دېدى خېرىدارلاردىن بىرى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك، مۇۋاپىق بېجىرمەك، بەجا كەلتۈرمەك؛ ئورۇندىماق:[مىسال:] بۇ شەكىللەرنى ئۆزىگە خاس ئورۇنلىرىغا بابلاپ ئىشلەتمىسەك، ئاسانلا خاتالىقلار كېلىپ چىقىدۇ.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىش ياكى گەپتە باشقىلارنى ئالدىماق، گوللىماق:[مىسال:] ئۇ: بۇ قېتىم مېنى قالتىس بابلاپ كەتتى، دېدى سودىگەر يېنىدا كېتىۋاتقان خوتۇنىغا ھەسرەتلىك بىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ.

بابلىق

  • بابلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بابلىرى بار، بابلارغا بۆلۈنگەن:[مىسال:] بەش بابلىق كىتاب.

بابمۇباب

  • بابمۇباب[يەشمىسى:] بىر باب-بىر بابتىن، باب تاشلىماي:[مىسال:] بابمۇباب ئوقۇماق.

بابۇنە

  • بابۇنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. خۇشبۇي پۇرايدۇ؛ گۈلى تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ، ئىچىنى يۇمشىتىش، يەلنى تارقىتىش، مېڭە ۋە پەينى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، سۈيدۈك، ھەيزلەرنى ماڭدۇرۇش، سۈت كۆپەيتىش قاتارلىق روللىرى بار.

بابۇئىن

  • بابۇئىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تېنى مايمۇنغا، بېشى ئىتنىڭ بېشىغا ئوخشايدۇ، تۈكلىرى كۈل رەڭ قوڭۇر كېلىدۇ، تۆت پۇتى توم، قۇيرۇقى ئۇزۇن ھەم بويى ئىنچىكە بولىدۇ. توپلىشىپ ياشايدۇ. ئوزۇقلۇق تاللىمايدۇ. ئافرىقا قىتئەسىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

بابىدا

  • بابىدا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ساھەسىدە، جەھەتتە:[مىسال:] دېدىم ئاخىرى رەئىس ماختىغان، قالتىس تالانتلىق شائىرلىقىمنى، شېئىر بابىدا كەم ئۇچرايدىغان، تالانت ئىگىسى، ماھىرلىقىمنى.

باپكار

  • باپكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قول دەستىگاھىدا پاختا يىپتىن بۆز (ماتا) توقۇغۇچى كاسىپ، ھۈنەرۋەن:[مىسال:]

  • ياشاپ ئۆتكەن ئاشۇ شەھەردە،

  • قولى گۈل بىر باپكار ئۇستا.

  • توقۇغان ئۇ كۈندە ئون گەز رەخت،

  • كېچىكتۈرمەي يېڭى ئىش تۇتسا.

باپكارلىق

  • باپكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماتا توقۇش ئشى:[مىسال:] باپكارلىق دۇكىنى. باپكارلىق قىلماق.

باتات

  • باتات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاتلىقياڭيۇ.

باتارېيە

  • باتارېيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئېلېكتر<[يەشمىسى:] خىمىيىلىك ئېنېرگىيە ياكى يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسى قاتارلىقلارنى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان قۇرۇلما.

باتارېيىلىك

  • باتارېيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باتارېيىسى بولغان، باتارېيىگە ئىگە؛ باتارېيە بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان:[مىسال:] تۇرغۇن باتارېيىلىك ساقال ئېلىش ماشىنىسى سېتىۋالدى.

باتاليون

  • باتاليون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] «يىڭ»غا قاراڭ:[مىسال:] بىز مۇزاكىرىلىشىپ، ئۇ يەرگە سىزنىڭ باتاليونىڭىزدىن بىر روتا ئەسكەر ئەۋەتىشنى مۇۋاپىق تاپتۇق.

باتسىتراتسىن

  • باتسىتراتسىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئانتىبىئوتىكلارنىڭ بىرى، سۇس سېرىق رەڭدىكى پاراشوك ھالىتىدە بولىدۇ. ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسى ياكى زەنجىرسىمان باكتېرىيىلەردىن بولغان يۇقۇملىنىشلارنى داۋالاشتا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

باتناتماق

  • باتناتماق[يەشمىسى:] «باتنىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىردەمدىلا سەن ئۇنى باتنىتىپ قويدۇڭغۇ

باتناشماق

  • باتناشماق[يەشمىسى:] «باتنىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار خېلىدىن بېرى بىر-بىرى بىلەن باتنىشىپ يۈرىدۇ.

باتنىخور

  • باتنىخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قېيىدىغاق، يامانلىغاق.

باتنىماق

  • باتنىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باشقىلاردىن يامانلىماق، قېيىدىماق، رەنجىمەك:[مىسال:] يۇرتنى خوتۇن خەق سورىسا، ئاخىر زاماننىڭ بولغىنى شۇ، دەپ باتناپ يىغىندىن چىقىپ كەتكەن ئەر خەقلەرمۇ چىقىپ قالدى.

باتۇر

  • باتۇر[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خەۋپ-خەتەر، قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان؛ يۈرەكلىك، جەسۇر:[مىسال:] باتۇر چۈشىدە دۈشمەن كۆرەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

باتۇرانە

  • باتۇرانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «باتۇرلارچە»گە قاراڭ:[مىسال:] باتۇرانە جەڭ قىلماق.

باتۇرلارچە

  • باتۇرلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] باتۇر، جەسۇر خۇسۇسىيەت بىلەن:[مىسال:] باتۇرلارچە ئېلىشىش.

باتۇرلاشتۇرماق

  • باتۇرلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «باتۇرلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

باتۇرلاشماق

  • باتۇرلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باتۇرغا ئايلانماق، باتۇرانە غەيرەت جاسارەتكە كەلمەك:[مىسال:] داداڭنى كۆرۈپ ئەجەب باتۇرلىشىپ كەتتىڭغۇ، دېدى ئۇ مۈرەمگە ئۇرۇپ.

باتۇرلۇق

  • باتۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باتۇرلارغا خاس ئىش، خىسلەت:[مىسال:] باتۇرلۇق قىلماق. باتۇرلۇق كۆرسەتمەك.

باتىل

  • باتىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① ئىناۋەتسىز؛ يالغان:[مىسال:] مۇبادا بۇنىڭغا پېقىر ۋە مېنىڭ ئەۋلادىم نارازى بولۇپ دەۋا قىلسا، يۇرت شەرئى ئالدىدا دەۋاسى باتىل بولغاي، دېگەن گەپلەر يېزىلىپتۇ.[يەشمىسى:] ② قۇۋ، ھىيلىگەر:[مىسال:] سايىت ئاشۇنداق بىر تۈرلۈك ھىجايغىنىدا ئۇنىڭ ئىگىسىنى ئالىدىغان قۇشنىڭكىدەك باتىل كۆزلىرى ئەجەب بىر ياڭزا چىمىرلايتتى.

باتىن

  • باتىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئىچ؛ كۆڭۈل، ئىچكى دۇنيا:[مىسال:]

  • باتىنى زەققۇم بىلەن تولغان يىلاندىنمۇ بەتتەر،

  • شەپشەكى جادۇ كەبى شۇملۇقتا شەيتاندىن ئۆتەر.

باج

  • باج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دۆلەت ھەر خىل تاۋارلار ئۈچۈن نىسبەت بويىچە يىغىۋالىدىغان پۇل:[مىسال:] باج تۆلىمەك. باج ئالماق.

باجا

  • باجا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئەرلىرى (بىر-بىرىگە نىسبەتەن):[مىسال:] باجا باجىنى كۆرسە، كۆتى قىچىشىپتۇ (ماقال).

باجخانا

  • باجخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] باج ئالىدىغان جاي، ئىدارە.

باج-خىراج

  • باج-خىراج[يەشمىسى:] باج ۋە ھەر تۈرلۈك سېلىق، تۆلەملەر:[مىسال:] ئەگەر توغرا ئوقۇپ بېرەلىسەڭ، مېلىڭ ھالالغا تايىن تاپىدۇ، باج-خىراج تۆلەپ يولۇڭغا كېتىۋېرىسەن.

باج-سېلىق

  • باج-سېلىق[يەشمىسى:] خىلمۇخىل باج، سېلىق ۋە تۆلەملەر:[مىسال:] دېھقانلار فېئوداللارغا ھەر خىل باج-سېلىقلارنى تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ.

باجسىز

  • باجسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① باجدىن خالىي، باج-سېلىق تۆلىمەيدىغان، باج ئېلىش مەنئى قىلىنغان:[مىسال:] باجسىز رايون.[يەشمىسى:] ② تېخى باج تۆلىمىگەن، باج ئېلىنمىغان، باج مەجبۇرىيىتى ئادا بولمىغان:[مىسال:] چېگرىدىن باجسىز كىرگۈزمەك.

باجگىر

  • باجگىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] باج ئالغۇچى كىشى، باج يىغقۇچى خادىم.

باجگىرلىك

  • باجگىرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باجگىرلار قىلىدىغان خىزمەت، باج يىغىش ئىشى.

باجلاتماق

  • باجلاتماق[يەشمىسى:] «باجلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ساتقان ئىككى قوينى باجلىتىپ قويدۇم.

باجلانماق

  • باجلانماق[يەشمىسى:] «باجلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

باجلىماق

  • باجلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تېگىشلىك باج پۇلىنى ئېلىپ، رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ بەرمەك:[مىسال:] باجگىر بازارغا كەلگەن ھەممە چارۋىلارنى باجلاپ بولۇپ ئۆيىگە قايتتى.

باجىڭگىر

  • باجىڭگىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە>رۇسچە[[يەشمىسى:] كۆن، خۇرۇم قاتارلىق رەختلەردىن تىكىلگەن كالتە قونچلۇق، بوغقۇچلۇق ئاياغ كىيىمى، قونچلۇق توپلەي:[مىسال:] ئابلىكىمنىڭ ئالدىدا باجىڭگىر كىيىۋالغان تەمبەل بىر يىگىت مەزمۇت قەدەملەر بىلەن كېتىپ باراتتى.

باجىلىق

  • باجىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باجىسى بار.

باجىماق

  • باجىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] باشقۇرماق، بېجىرمەك.

باجياۋ

  • باجياۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① بانان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ناھايىتى چوڭ، گۈلى ئاق كېلىدۇ، مېۋىسى بانانغا ئوخشايدۇ ھەم يېگىلى بولىدۇ، ئەسلىي ماكانى ئىسسىق بەلۋاغ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

باچكاⅠ

  • باچكاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەپتەرنىڭ ئۇچۇرما بولمىغان بالىسى:[مىسال:] باچكا شورپىسى.

باچكاⅡ

  • باچكاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇۋازنىڭ يۈك يانجىلىپ، ماي چىقىدىغان ئىچى كاۋاك قاچىسى.

باچكىلاتماق

  • باچكىلاتماق[يەشمىسى:] «باچكىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

باچكىلىماق

  • باچكىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كەپتەر تۇخۇمدىن باچكا چىقارماق.

باخ

  • باخ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بالىنى باغرىغا بېسىش، قۇچاقلاش ھالەت تەقلىدى:[مىسال:] باخ ئەتمەك.

باخ ئەتمەك

  • باخ ئەتمەك[يەشمىسى:] باغرىغا باسماق، قۇچاقلىماق:[مىسال:] بالىنى باخ ئەتمەك.

باخت

  • باخت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تايلاندنىڭ پۇل بىرلىكى.

باخشىⅠ

  • باخشىⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① دۇئا ئوقۇپ، دەم سېلىپ كېسەل داۋالىغۇچى كىشى.[يەشمىسى:] ② تۇغ باغلاپ، پېرى ئوينىغۇچى؛ پېرىخون:[مىسال:] نامۇ ئەمالىم يىراق-يېقىنغا پۇر بولدى، دېدى باخشى ياغلىقىدا قالغان ناننىڭ ئۇۋاقلىرىنى تېرىپ كاپ ئېتىپ.

باخشىⅡ

  • باخشىⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۈركۈت، قارچىغا، لاچىن قاتارلىقلار بىلەن ئوۋ ئوۋلايدىغان كىشى؛ قۇشچى:[مىسال:] قۇش باخشىسى.

باخشىلىقⅠ

  • باخشىلىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باخشىلار قىلىدىغان ئىش، پېرىخونلۇق:[مىسال:] باخشىلىق قىلماق.

باخشىلىقⅡ

  • باخشىلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوش بىلەن ئوۋ ئوۋلاش پائالىيىتى:[مىسال:] مەمەتنىڭ ئورمانلىقتا باخشىلىق قىلىپ يۈرگىنىگە ئىككى يىل بولغانىدى.

باد

  • باد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] شامال.

بادارغا

  • بادارغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بادرا.

باداشقان

  • باداشقان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى پۇتنى بىر-بىرىگە ئالماشتۇرۇپ، ئىككى تېقىمىغا چاپلاپ ئولتۇرۇش ھالىتى؛ چازا:[مىسال:] بۇرادەر ئۆي تارچىلىق، باداشقاننى يىغىپ ئولتۇرايلى!

باداڭ

  • باداڭ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىۋىق، چىغ، قومۇش قاتارلىق نەرسىلەردىن توقۇلۇپ، يۇمىلاق ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن ياكى دەرەخ تېنىدىن كۈپ شەكلىدە ئويۇپ ياسالغان ئاشلىق ساقلايدىغان چوڭ قاچا:[مىسال:] ئىشنى كارداڭدىن سوراڭ، ئۇننى باداڭدىن (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چوڭ، يوغان:[مىسال:] باداڭ قورساق. باداڭ تاغار.

بادام

  • بادام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ئۇرۇقى ئاچچىق بولىدىغانلىرى ئاچچىق بادام، تاتلىق بولىدىغانلىرى تاتلىق بادام دېيىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى.

بادامبەز

  • بادامبەز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بادام+بەز[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] يۇقىرىقى نەپەس يولىنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان، لىمفا تۈگۈنىگە ئوخشايدىغان توقۇلما، ئادەتتە تاڭلايدىكى بادامبەزنى كۆرسىتىدۇ.

بادامچە

  • بادامچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىمەندوپپىنىڭ تۆپىلىكىگە ئىككى شاخ ئايرىپ، بادام شەكلىدە تىكىلگەن گۈل.

بادامدوپپا

  • بادامدوپپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بادام+دوپپا[[يەشمىسى:] گۈلى بادام نۇسخىلىق دوپپا:[مىسال:]

  • ئىشقا ماڭغان چېغىمدا كۈن چىقىپتۇ ئاسماندا.

  • بادامدوپپا تىكتىم مەن گۈزەل يارىم ئىشچانغا.

بادامسىمان

  • بادامسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بادامغا ئوخشايدىغان، بادام شەكلىدىكى:[مىسال:] بادامسىمان قۇرۇلما.

بادامگۈل

  • بادامگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بادام+گۈل[[يەشمىسى:] بادامغا ئوخشىتىپ تىكىلگەن گۈل.

باداملىق

  • باداملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بادام دەرىخى كۆپ ئۆسىدىغان جاي:[مىسال:] باداملىق باغ.

بادە

  • بادە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] مەي، ئىچىملىك:[مىسال:]

  • تا قىيامەت چىقمىغاي كەيپى مۇھەببەت بادىسى،

  • يارىنىڭ شەۋقى جامالى شەمئىغە پەرۋانە گۈل.

بادرا

  • بادرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دىئامېتىرى تەخمىنەن ئالتە سانتىمېتىردىن 12 سانتىمېتىرغىچە بولغان، ئۆي-ئىمارەتكە ئىشلىتىلىدىغان، ئۇزۇن ۋە تۈز ياغاچ:[مىسال:] ئۆينىڭ ئاق تېرەك، سېرىق سۆگەت ۋە قاغا جىگدە بادرىلىرىدىن تەركىب تاپقان جەگىلىرى يادەك ئېگىلىپ تۇراتتى.

بادرەنجىبۇيا

  • بادرەنجىبۇيا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن تېنى دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە پۇراقلىق ماي ئېلىشقىمۇ بولىدۇ.

بادىسابا

  • بادىسابا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] تاڭ شامىلى، سەھەر شامىلى:[مىسال:]

  • ئەي بادىسابا پىيام يەتكۈز،

  • مېنىڭ يارىمغا سالام يەتكۈز.

بارⅠ

  • بارⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مەۋجۇت؛ يوقنىڭ ئەكسى:[مىسال:] بار ئىمكانىيەتتىن پايدىلانماق. * جان بار يەردە قازا بار (ماقال).[يەشمىسى:] ② كۆپ ئىقتىسادقا، بايلىققا ئىگە بولغان؛ باي، دۆلەتمەن:[مىسال:] بار بارنى قىلار، يوق نېمىنى قىلار (ماقال).[يەشمىسى:] ③ ھەممە، جەمئىي، بارلىق:[مىسال:]

  • ئېگىز تاغقا چىققاندا،

  • قولىڭىزنى مەن تارتقان،

  • بار ئويۇننى سىز ئويناپ،

  • دەردىڭىزنى مەن تارتقان.[يەشمىسى:] ④ ئورۇن كېلىشتە كەلگەن سۆزدىن كېيىن خەۋەر ۋەزىپىسىدە كېلىپ:[يەشمىسى:] 1) مۆلچەرنى، چامىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ يېشى يىگىرمىلەردە بار.[يەشمىسى:] 2) «قولىدىن كېلىدۇ»، «قىلالايدۇ»، «بىلىدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] پەرىدىگۈل دېگەن بالامنى خوتەننىڭ گۈلى دېسىلە، دۇتار، ئۇسسۇل، ناخشا... ھەممىسىدە بار.

بارⅡ

  • بارⅡ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە [[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاتموسفېرانىڭ بېسىم بىرلىكى ، بىر بار ھەربىر كۋادرات سانتىمېتىر يۈزگە چۈشكەن بىر مىليون دىنا تەسىر كۈچنىڭ بېسىمىغا تەڭ بولىدۇ . دېڭىز يۈزىدىكى ئاتموسفېرا بېسىمىمۇ تەخمىنەن بىر بارغا تەڭ .

باراⅠ

  • باراⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىك چۈشكەن يارنىڭ تاش ياكى شېغىل قاتلىمى.

باراⅡ

  • باراⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بارقا پاقلان ياكى ئوغلاق تېرىسى.

بارا-بارا

  • بارا-بارا[يەشمىسى:] ۋاقىت ئۆتكەنسېرى، بارغانسېرى، قەدەممۇقەدەم، پەيدىنپەي، تەدرىجىي، بىر-بىرلەپ:[مىسال:] بارا-بارا بىزمۇ بۇ يەرگە كۆنۈپ قالدۇق.

بارابان

  • بارابان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىككى يۈزىگە تېرە تارتىلغان، يۇمىلاق قاسقانلىق، چوكا بىلەن چالىدىغان مۇزىكا ئەسۋابى.

بارابانچى

  • بارابانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بارابان چالغۇچى:[مىسال:] پەرھات باشلانغۇچ مەكتەپتە دۈي بارابانچىسى ئىدى.

بارابانچىلىق

  • بارابانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بارابان چېلىش ئىشى:[مىسال:] ئامىنە بارابانچىلىقنى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چېغىدىلا خېلى پىششىق ئۆگەندى.

بارابانلىق

  • بارابانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بارابان تۇتقان، كۆتۈرگەن ياكى بارابان چېلىۋاتقان:[مىسال:] بارابانلىق بالا.[يەشمىسى:] ② بارابان بىلەن ئورۇنلىنىدىغان ياكى بارابان ئاساس قىلىنىدىغان:[مىسال:] بارابانلىق مۇزىكا.

بارات

  • بارات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھىجىرىيە ھېسابىدا سەككىزىنچى ئاينىڭ نامى؛ شەبان:[مىسال:] بارات ئاي.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

باراقسان

  • باراقسان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قويۇق، بۈك، باغجانلاشقان:[مىسال:] باراقسان ھويلا.

باراقسانلاشتۇرماق

  • باراقسانلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «باراقسانلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

باراقسانلاشتۇرۇلماق

  • باراقسانلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «باراقسانلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

باراقسانلاشماق

  • باراقسانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بۈك-باراقسان ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] باغ باراقسانلىشىپتۇ.

باراقسانلىق

  • باراقسانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۈك-باراقسان ئورمانلار بىلەن قاپلانغان ھالەت، شۇنداق جاي:[مىسال:]

  • ئىلى يولى بوستانلىق،

  • باراقسانلىق گۈلباغلىق.

  • يۈرىكىمدە ساقلاقلىق،

  • يارىم بەرگەن قولياغلىق.

باراقسانلىماق

  • باراقسانلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قويۇقلاشماق، باغجانلىماق، ئاينىماق:[مىسال:] ئىككى بولۇڭدا سوغىغا كۆچۈرۈلگەن سۆگەتگۈلمۇ باراقسانلاپ كېتىپتۇ.

باراڭ

  • باراڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كاۋا، قاپاق پېلەكلىرىنىڭ ۋە تەك شۇڭىنىڭ ئارتىلىشى ئۈچۈن ياغاچتىن ياسالغان جاھاز، چەللە:[مىسال:]

  • ئاكام سالغان باراڭغا تۆت دانە تۈۋرۈك،

  • يارىمغا مەن ئەكەلدىم بازاردىن ئۈزۈك.[يەشمىسى:] ② كاۋا، قاپاق پېلەكلىرى، تەك شۇڭلىرى ئارتىلىپ سايىلانغان جاي:[مىسال:] غۇنچەم، ناھايىتى قىزىق گەپ دەڭا يۈرۈڭ، باراڭدا ئولتۇرۇپ سۆزلەپ بېرىمەن.

باراڭلىق

  • باراڭلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باراڭ بولغان ھالەت:[مىسال:]

  • ھويلىغا قاپاق تېرىپ،

  • قاپاق باراڭلىق قىلدىلا،

  • يار ئۈستىگە يار تۇتۇپ،

  • ئەجەب ساراڭلىق قىلدىلا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باراڭ بار، باراڭ جايلاشقان:[مىسال:] نەمەت دېرىزە ئالدىغا كېلىپ دەرەخلىك ئارىسىدىن سايىمنىڭ باراڭلىق ھويلىسىغا تىكىلدى.

باران

  • باران[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] شەپە، قارا؛ ھەيۋە.

بارانا

  • بارانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تىرنا.

باراۋەت

  • باراۋەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرقانچە كىشىنىڭ بىر جايىغا توپلىشىپ قىلغان سەيلە-تاماشىسى:[مىسال:] باراۋەت قىلماق. باراۋەت ئوينىماق.

باراۋەتخانا

  • باراۋەتخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باراۋەت قىلىدىغان باغ، سەيلىگاھ:[مىسال:] شاھزادىنىڭ باراۋەتخانىسى رەڭمۇرەڭ گىلەملەر بىلەن بېزەلگەن، گازۋاي چىراغلار يېقىلغانىدى.

باراۋەر

  • باراۋەر[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆلچىمى، سانى، ھەجمى، مىقدارى، قىممىتى، چوڭ-كىچىكلىكى، ئەھمىيىتى، مەنىسى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر خىل، تەڭ؛ پەرقى يوق، بىردەك:[مىسال:] بۇ ئۆز ئىشىمىز، ھازىر سۇ دېگەن قان بىلەن باراۋەر، توسۇۋالغىنىمىز ئوبدان بولدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]رەۋىش.[يەشمىسى:] بىرمەزگىلدە، بىر پەيتتە، بىر ۋاقىتتا:[مىسال:] باراۋەر يۈگۈرمەك. باراۋەر تۇرماق. باراۋەر ئىشلىمەك.

باراۋەرسىز

  • باراۋەرسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باراۋەر بولمىغان؛ تەڭ، ئوخشاش ئەمەس.

باراۋەرسىزلىك

  • باراۋەرسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باراۋەر بولمىغان ھالەت، تەڭسىزلىك، ئوخشاش ئەمەسلىك.

باراۋەرلەشتۈرمەك

  • باراۋەرلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «باراۋەرلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

باراۋەرلەشتۈرۈلمەك

  • باراۋەرلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «باراۋەرلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ياخشى بىلەن يامان باراۋەرلەشتۈرۈلسە، ناھەقچىلىك كېلىپ چىقىدۇ.

باراۋەرلەشمەك

  • باراۋەرلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باراۋەر ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] دېڭىزدا دولقۇن باشلاندى، سۇ كۆتۈرۈلۈپ تاغقا باراۋەرلەشتى.

باراۋەرلىك

  • باراۋەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەڭلىك، تەڭ ھوقۇقلۇق:[مىسال:] مىللەتلەر باراۋەرلىكى.

باربىت

  • باربىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] يۈزلۈكىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە بىر تۆشۈكى، بويۇن پەدىسى بىلەن قوشۇلۇپ 30 پەدىسى بار، تۆت تارلىق، بارماق بىلەن چېكىپ چېلىنىدىغان چالغۇ ئەسۋابى.

بارتو

  • بارتو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئىگىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى كىشى؛ غوجىدار.

بارچە

  • بارچە[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] بىر خىل تىپتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى؛ بارلىق، پۈتكۈل:[مىسال:] بارچە ئادەم.

بارخان

  • بارخان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شامال، بوران قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى تۈپەيلى پەيدا بولغان قۇم دۆۋىلىرى؛ دۆڭلۈك:[مىسال:] قۇم بارخانلىرى.

بارخانلاشماق

  • بارخانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بارخان ھالىتىگە كەلمەك.

بارخانلىماق

  • بارخانلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بارخان پەيدا بولماق.

بارداق

  • بارداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سۇ قاچىسى، ئاياق.

باردى-كەلدى

  • باردى-كەلدى[يەشمىسى:] ئۆزئارا بېرىش-كېلىش، ئالاقە، مۇناسىۋەت:[مىسال:] بىزنىڭ ئۇلار بىلەن باردى-كەلدىمىز يوق.

بارژا

  • بارژا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە سۆرىتىپ ماڭىدىغان ياكى ئۆزى يۈرىدىغان يۈك كېمىسى.

بارس

  • بارس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «يولۋاس»قا قاراڭ.

بارغانچە

  • بارغانچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «بارغانسېرى»غا قاراڭ:[مىسال:] گۈلدۈرماما ئاۋازىمۇ بارغانچە يېقىنلىشىپ، ئارقا-ئارقىدىن توختىماي گۈلدۈرلەيتتى.

بارغانسېرى

  • بارغانسېرى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ۋاقىت ئۆتكەنچە، بارغانچە، كۈنساناپ:[مىسال:] ئات تۇياقلىرىنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى.

بارغۇزماق

  • بارغۇزماق[يەشمىسى:] «بارماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بالاڭنى ئۇ يەرگە بارغۇزالامسەن. * ئۆيدىكىلىرىڭ بارغۇزمىدىمۇ يا؟

بارغىندى

  • بارغىندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بارغۇچى كىشى.

بارقا

  • بارقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىرقىش ۋاقتىغا يەتكەن قوزىنىڭ تېرىسى.

بارگاھ

  • بارگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھەربىي قوشۇن، پادىشاھ، خان، ۋاڭ، بەگ قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ تۇرار جايى؛ دەرگاھى:[مىسال:] مەخسۇت بەگ بۇ چاغدا، چېدىر بارگاھتا قوللىرىنى شىلتىپ، ھە دەپ ئىمام خاتىپقا كايىۋاتاتتى.

بارلاس

  • بارلاس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] تارىختىكى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرىنىڭ نامى ۋە شۇ قەبىلىگە مەنسۇپ كىشى.

بارلىقⅠ

  • بارلىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بار بولۇش:[مىسال:] كىتاب بارلىقى بار، لېكىن بۇ يەردە يوق.[يەشمىسى:] ② مەۋجۇتلۇق، ھاسىل:[مىسال:] گەرچە شارائىتنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، لېكىن شارائىتنى كىشىلەر بارلىققا كەلتۈرگەن.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئوبيېكتىپ دۇنيا، پۈتۈن ئالەم، مەۋجۇدات:[مىسال:] ماتېرىيالىزم ئومۇمەن بارلىق ئاڭغا ئەمەس، ئاڭ بارلىققا باغلىق دەپ قاراشنى تەلەپ قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەمنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى، ئۆزىگە قاراشلىق ھەممە نەرسىسى:[مىسال:] بارلىقىنى تەقدىم قىلماق.

بارلىقⅡ

  • بارلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەممە، جىمى، پۈتكۈل، ئومۇمىي:[مىسال:] دەرس ئۆتۈش بارلىق ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى.

بارماقⅠ

  • بارماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۇت، قول پەنجىلىرىنىڭ ھەربىرى.

بارماق تىلى

  • بارماق تىلى[يەشمىسى:] گاس، گاچىلارنىڭ قول ئىما-ئىشارەتلىرى، بارماق بىلەن ھەرپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزئارا ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى.

بارماق ۋەزىن

  • بارماق ۋەزىن[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] شېئىر مىسرالىرىدىكى تەڭ مىقدارلىق بوغۇملار مەلۇم تەرتىپتە گۇرۇپپىلىنىپ، بىر خىل رىتىم ھاسىل قىلىدىغان شېئىرىي ۋەزىن. بۇ نام مىسرالاردىكى بوغۇملار سانىنىڭ بارماق بىلەن سانىلىشىدىن كېلىپ چىققان.

بارمىقىنى چىشلىمەك

  • بارمىقىنى چىشلىمەك[يەشمىسى:] ھەسىرەتتە، پۇشايماندا قالماق:[مىسال:] ئۆتكەن يىلى بىزمۇ بۇنداق بەقەسەم ئېتىزلاردىن ئاز-تولا قىلىپ باققان، لېكىن يىلنىڭ ئاخىرىدا چاچقان ئۇرۇقىمىزنى تاپالماي بارمىقىمىزنى چىشلەپ قالغانىدۇق.

بارماقⅡ

  • بارماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۆزلىگۈچى ياكى كۆزەتكۈچى تۇرغان جايدىن، نەزىرىدىن نېرى كەتمەك، يىراقلاشماق، يول ئالماق:[مىسال:] بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② داۋاملاشماق، داۋام قىلماق:[مىسال:] بۇ يەردە گەپ دۆلەت ھاكىمىيىتى پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى ئۈستىدىلا بارىدۇ.[يەشمىسى:] ③ رەۋىشداشلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ تۈس مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[يەشمىسى:] 1) ئىش-ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مەن ھۇشۇر ئاكامغا ياندىشىپ كېتىپ باراتتىم.[يەشمىسى:] 2) ئىش-ھەرىكەتنىڭ پەللىمۇپەللە ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] دۆلەت بىكار قىلىنىدۇ ئەمەس، ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن ھالاك بولۇپ بارىدۇ.[يەشمىسى:] 3) ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ، بۇ كەمگىچە كورلىغا يېتىپ باردى.[يەشمىسى:] ④ يۆنىلىش كېلىشتە كەلگەن سانلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ، شۇ نەرسىنىڭ شۇ سان بىلدۈرگەن چەككە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ بانكىغا ئامانەت قويغان پۇلى 12 مىڭ يۈەنگە بارىدۇ.

بارماقچىلىك

  • بارماقچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىچىك، كىچىككىنە، ئۇششاق:[مىسال:] پەرھات ئاچچىقلىنىپ، بالىنىڭ بوينىدىن تۇتتى-دە، بارماقچىلىك ناننى ئۇنىڭ ئاغزىغا تىقتى.

بارماقلىق

  • بارماقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بارمىقى بار، بارماقلارغا بۆلۈنگەن:[مىسال:] بەش بارماقلىق قول.

باروتېرموگراف

  • باروتېرموگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاتموسفېرا بېسىمى ۋە تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب. ھاۋا بېسىمى ۋە تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەپ ھەم خاتىرىلەپ تۇرىدىغان ھاۋارايى ئەسۋابى.

باروگراف

  • باروگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاتموسفېرا بېسىمىنى شەرتلىك بەلگىلەر بىلەن يېزىپ بېرىدىغان ئاپتوماتىك بارومېتىر.

بارومېتىر

  • بارومېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاتموسفېرا بېسىمىنى، ھاۋا رايىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب. ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ، بارومېتىردىكى سىماب يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ ياكى تۆۋەنلەيدۇ.

بارومېتىرلىق

  • بارومېتىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بارومېتىرى بار، بارومېتىر ئورنىتىلغان:[مىسال:] مەكتەپ تەجرىبە يۈزىسىدىن بارومېتىرلىق بىر كىچىك كۆزىتىش پونكىتى قۇردى.

بارون

  • بارون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] غەربىي ياۋروپا دۋاريانلىرىنىڭ رۇسىيىدە يولغا قويغان گرافدىن بىر دەرىجە تۆۋەن ئۇنۋانى ۋە شۇنداق ئۇنۋان ئالغان شەخس.

بارى

  • بارى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ھەممىسى، بارلىقى، جىمىسى، ئومۇمىي:[مىسال:] ئورىغا كۆمۈلگەن بۇغداينىڭ بارى ئوتتۇز تاغار.

بارىت

  • بارىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال، ساپلىرى رەڭسىز ھەم سۈزۈك، ساپ بولمىغانلىرى كۈل رەڭ، ئاق، قىزىل رەڭلەردە ئۇچرايدۇ؛ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى چوڭراق، سانائەتتە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىشلەشتە پايدىلىنىلىدۇ.

بارىچە

  • بارىچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بارىنى، ھەممىسىنى ئىشقا سېلىپ، ھەممىسىنى ئىشلىتىپ؛ يېتىشىچە:[مىسال:] ئەكرەم بولسا سۆگەتنىڭ شېخىغا ئېسىلىۋېلىپ جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىرايتتى.

بارىدا

  • بارىدا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بار شارائىتتا، بار ۋاقىتتا:[مىسال:] چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە، يېڭىڭنىڭ بارىدا قول سال (ماقال).

بارىسىدا

  • بارىسىدا[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] توغرىسىدا، ھەققىدە، خۇسۇسىدا:[مىسال:]

  • چىقسام تۇرىدۇ رەت-رەت مەكتەپ دەرۋازىسىدا،

  • تەرتىپ بىلەن سۆز بارماقتا ئىكەن دەرس بارىسىدا.

بارىكادا

  • بارىكادا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] كوچا جەڭلىرىدە دۈشمەن ئوقىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان توساق؛ توسما:[مىسال:] ئۇ بارىكادىلار ئالدىدا جەڭ قىلىدۇ.

بارىكاللا

  • بارىكاللا[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر سۆز، بىرەر ئىش-ھەرىكەتنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك قىلىنغانلىقىغا، بېجىرىلگەنلىكىگە ئېيتىلغان رەھمەت؛ تەشەككۇر:[مىسال:] بارىكاللا ئوقۇماق. بارىكاللا ئېيتماق.

بارىئون

  • بارىئون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ماسسىسى پروتوندىن چوڭ بولغان (پروتوننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاساسىي زەررىچىلەر. بۇ زەررىچىلەر ئىچىدە، پروتوندىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى بىر دانە نۇكلېئون ۋە بىرنەچچە دانە مېزونلارغا ياكى ناھايىتى يېنىك بولغان زەررىچىلەرگە بۆلۈنەلەيدۇ.

بارىي

  • بارىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت، خىمىيىلىك بەلگىسى (Baryum) Ba. ئۇ بىر خىل ئىشقارىي يەر مېتالى بولۇپ، كۈمۈش رەڭدە كېلىدۇ؛ ئاسان ئوكسىدلىنىدۇ.

بارىي بوتقىسى

  • بارىي بوتقىسى[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان، ئۆچەي يوللىرىدىكى بەزى كېسەللەرگە دىئاگنوز قويۇشتا ئىچۈرۈلىدىغان دوغاپ ھالەتتىكى بارىي سۇلفات.

بارىيلىق

  • بارىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە بارىي بولغان.

بار-يوق

  • بار-يوق[يەشمىسى:] ھەممە، جىمى، بارلىق:[مىسال:] ئالماس بار-يوق دەسمايىسى بىر كىچىك يەشىك ۋە بىرنەچچە پارچە ئەينەكتىن ئىبارەت بولغان بىر كەمبەغەل ئەينەكچى ئىدى.

بار يوق دېمەي

  • بار يوق دېمەي[يەشمىسى:] سەۋەب كۆرسەتمەي، باھانە كۆرسەتمەي، يوپۇتماي:[مىسال:] بېگىم، بار-يوق دېمەي بىر سېۋەت سامان بېرەرلا، ئېشەكنى مادارلاندۇرۇپ ھەمراھلىرىمغا يېتىشىۋالاي.

بار-يوقى

  • بار-يوقى[يەشمىسى:] ① قول ئىلكىدە، ئىختىيارىدا بولغان ھەممە نەرسە:[مىسال:] قەدرىدىن بار-يوقى بىر يوتقان بىر كۆرپىنى قاتلىدى.[يەشمىسى:] ② ھەممىسى، جىمىسى، بارلىقى:[مىسال:] بۇ قېتىم بار-يوقى ئۈچ تېڭىقلا كىتاب كەلگەنىدى.

باريېر

  • باريېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ توسۇق ئاتلاپ يۈگۈرۈش تۈرىدە ئىشلىتىلدىغان، مەخسۇس ياغاچتىن ياسالغان جازا شەكىللىك توسۇق.

باز

  • باز[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] يەنە، شۇنىڭدەك:[مىسال:]

  • شۇم پەلەك كەم بولسا باز ئال،

  • ئاشۇ ۋىجداننى بىراق،

  • ئالمىقىڭ تەستۇر گويا

  • كۈننى ئۆچۈرمەكتىن ساڭا.

بازا

  • بازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① ئاساس، نېگىز، تايانچ:[مىسال:] ئىقتىسادىي بازا. ھەربىي بازا.[يەشمىسى:] ② دەرۋازا ئورنىتىش ئۈچۈن دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىگە خىش ياكى كېسەكتىن قوپۇرۇلغان تۈۋرۈك.

بازار

  • بازار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئاھالە سودا-سېتىق قىلىدىغان مەخسۇس جاي:[مىسال:] مال بازىرى. ئاشلىق بازىرى.[يەشمىسى:] ② ئاھالە سودا-سېتىق قىلىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مەخسۇس كۈن:[مىسال:] شەنبە بازار، يەكشەنبە بازار. بازار كۈنى.[يەشمىسى:] ③ دۆلەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا قارىتا تاۋار ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئورۇن:[مىسال:] ئىچكى بازار. تاشقى بازار.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر جايدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ، سۈرەن-چۇقان، تەرتىپسىز ھالەت:[مىسال:] بالىلىق ئۆي-بازار، بالىسىز ئۆي-مازار (ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ ناھىيە مەركىزىدىكى ناھىيىدىن تۆۋەن مەمۇرىي بۆلۈنمە.

بازار تالاشماق

  • بازار تالاشماق[كەسىپ تۈرى:]>سودا<[يەشمىسى:] سودا-سېتىق، تىجارەتتە رىقابەتلەشمەك، بەسلەشمەك.

بازار چاققاننىڭ

  • بازار چاققاننىڭ[يەشمىسى:] ئىش ئالدىدا تۇتۇش قىلغاننىڭ، بۇرۇن قىلىۋالغاننىڭ:[مىسال:] بولۇڭ، بازار چاققاننىڭ، تېز تۇتۇش قىلمىساق، ئىش چاتاق.

بازاردا بار گەپ

  • بازاردا بار گەپ[يەشمىسى:] ھەممە ئادەم بىلىدىغان، يېڭىلىقى يوق گەپ:[مىسال:] بۇنىڭ ئانچە ھەيران قالغۇچىلىكى يوق، بازاردا بار گەپقۇ دېدى باتۇر ئايشەمگە.

بازىرى بار

  • بازىرى بار[يەشمىسى:] ① خېرىدارى كۆپ، تېز سېتىلىدىغان:[مىسال:] ئۇمۇ قوللىرىدىكى بار ماللىرىنى سېتىپ، ئۇ ياقتا بازىرى بار ماللارنى ئالدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەتىۋارلىق، خېرىدارلىق.

بازىرى چىقماق

  • بازىرى چىقماق[يەشمىسى:] خېرىدارى كۆپەيمەك، تېز سېتىلماق.

بازارچى

  • بازارچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سودا-سېتىق، ئېلىم-بېرىم ئېھتىياجى بىلەن بازارغا كەلگەن كىشى:[مىسال:] بىزگە مانا بۇ بازارچى سىڭلىمىز كېلىپ قوشۇلدى.

بازارچىلىماق

  • بازارچىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بازارمۇبازار يۈرۈپ سودا-سېتىق ياكى تاماشا قىلماق:[مىسال:] ئەخمەت بۈگۈن قۇمباشقا بازارچىلاپ كەتتى.

بازارلىق

  • بازارلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سېتىش ئۈچۈن تەييارلانغان:[مىسال:] بازارلىق مال.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سودا-سېتىق:[مىسال:] ئانچە-مۇنچە بازارلىق قىلمىساق تۇرمۇش دېگەندە يەنە بولمايدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بازاردىن ئۆيدىكى بالا-چاقىلارغا ئېلىپ كەلگەن سوۋغا:[مىسال:] ئۇ يېنىشىدا بالىلىرىغا بازارلىق ئېلىۋالدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بازاردا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر:[مىسال:] سەھرالىق دەيدۇ بىزنى ئۆزىنى بىلمەي بازارلىق.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بازار دەرىجىلىك:[مىسال:] بازارلىق ھۆكۈمەت.

بازارلىماق

  • بازارلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بازارغا بېرىپ سودا-سېتىق قىلماق، ئېلىپ ساتماق:[مىسال:] ئەمەت ئايشەمگۈل بىلەن بازارلاپ كەلگەنلىكىنى دادىسىغا سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئىشىك يېنىككىنە چېكىلدى.

بازارمۇبازار

  • بازارمۇبازار[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بازاردىن بازارغا:[مىسال:] بۈگۈن بازارمۇبازار ئايلىنىپ ئۇنى تاپالمىدىم.

بازالت

  • بازالت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ماگما جىنسلارنىڭ بىر خىلى، يەر شارىنىڭ سىرتقى يۈزىگە كۆپ تارقالغان.

بازالتلىق

  • بازالتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خىمىيىلىك تەركىبىدە بازالت بولغان:[مىسال:] بازالتلىق قاتلام.

باز-باز

  • باز-باز[يەشمىسى:] «بازغىشىش»قا قاراڭ.

باز-بازغا چۈشمەك

  • باز-بازغا چۈشمەك[يەشمىسى:] ھۈرپەيمەك، دىۋىنماق، بازغىشماق (توخۇلارنىڭ سوقۇشۇش ئالدىدىكى ھەرىكەتلىرىگە ئېيتىلىدۇ):[مىسال:] بۇ ئىككىيلەن باز-بازغا چۈشكەن خورازلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈۋاتقاندەك، ھىجىيىپ تۇرۇشاتتى.

باز-بازغا سالماق

  • باز-بازغا سالماق[يەشمىسى:] بازغىتماق، سوقۇشۇشقا كۈشكۈرتمەك:[مىسال:] پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن ئالىم رىشىت بىلەن ئەلىنى باز-بازغا سېلىشقا باشلىدى .

بازغان

  • بازغان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆمۈرچىلىكتە تۆمۈر قاتارلىق مېتاللارنى سوقۇپ، يېسسىلايدىغان، بولقىدىن چوڭ ئەسۋاب:[مىسال:] بىر يىل ئۆتكەندە بازغان تۇتۇشنى ئۆگەندىم، يېشىم ئون توققۇزغا يەتكۈچە بازغان سوقتۇم.

بازغانچى

  • بازغانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆمۈرچىلىك دۇكىنىدا بازغان ئورىدىغان كىشى، بازغان ئىشچىسى.

بازغانچىلىق

  • بازغانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بازغان ئۇرۇش ئىشى:[مىسال:] بازغانچىلىق قىلماق.

بازغانلاتماق

  • بازغانلاتماق[يەشمىسى:] «بازغانلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بازغانلاشماق

  • بازغانلاشماق[يەشمىسى:] «بازغانلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بازغانلىماق

  • بازغانلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بازغان ئۇرماق:[مىسال:] ئەخەت قىزىتىلغان تۆمۈرنى بازغانلىدى.

بازغىتماق

  • بازغىتماق[يەشمىسى:] «بازغىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بازغىشماق

  • بازغىشماق[يەشمىسى:] «بازغىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىككىسى بىر-بىرىگە يات ئادەملەردەك ماي تارتىشىپ قارىشىپ، خورازلاردەك بازغىشىپ، دېڭىز تەرەپتىكى دېرىزىدىن كىرىۋاتقان شامالدا مۇزلىغاندەك غوللىرىنى چىقىرىپ، ھودۇقۇپ گاڭگىراشتى.

بازغىماق

  • بازغىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆڭمەك، دىۋىنماق، ھۈرپەيمەك:[مىسال:] كۈنمۇ بۇلارنىڭ بازغىپ تۇرۇشىنى تاماشا قىلغاندەك تاغ ئارقىسىدىن ئارتىلىپ چىقىپ قاراپتۇ.

بازلاتماق

  • بازلاتماق[يەشمىسى:] «بازلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بازلاشماق

  • بازلاشماق[يەشمىسى:] «بازلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار تاماققا تۇتۇش قىلدى، لېكىن تاماق ئارىلىقىدا يەنە بىر-بىرىگە بازلىشىپ، گەپ-سۆزنى توختاتمىدى.

بازلىماق

  • بازلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھۈرپەيمەك، سوقۇشۇشقا تەييارلانماق:[مىسال:] مەشۇرئاخۇن قولىنى قوينىغا تىقىپ بازلىغان خورازدەك ماي تارتىپ ئالدىدا باراتتى.

بازىس

  • بازىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ بەلگىلىك باسقۇچىدىكى سىياسىي-ئىقتىسادىي تۈزۈم، يەنى جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي، ھوقۇق تۈزۈلۈشى ئاساسىنى تەشكىل قىلغۇچى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىغىندىسى.

بازىلىماق

  • بازىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بەزلىمەك.

بازىمەن

  • بازىمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] لەڭمەن خېمىرىنى سوزۇشنىڭ بىر خىلى، پۈتۈن خېمىر ئىككى بۆلەككە بۆلۈنۈپ، ھەربىر بۆلەك ئايرىم-ئايرىم بىر قېتىم ئوڭ، بىر قېتىم تەتۈر ئېشىلىدۇ؛ توم-ئىنچىكىلىكى بىردەك تەكشى ھالغا كەلگەندە، ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ غۇلاچلاپ سوزۇلىدۇ؛ ئاخىرىدا ئىككى بېشىدىكى توم خېمىر كېسىۋېتىلىپ قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ.

بازىمەنچى

  • بازىمەنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاشخانىلاردا مەخسۇس بازىمەن تارتىدىغان ئۇستا.

باس

  • باس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] پەس، تۆۋەن، بوم (ئاۋازا ھەققىدە):[مىسال:] باس ئاۋاز.

باس-باس

  • باس-باس[يەشمىسى:] ئارقا-ئارقىدىن؛ تۆپە-تۆپىلەپ؛ تالىشىپ:[مىسال:] بۈگۈن يېڭى چىققان رەخت ئىكەن، كىشىلەر باس-باس بىلەن ئېلىۋېتىپتىكەن، مەنمۇ ساڭا بىر كىيىملىك ئالغاچ كەلدىم، دېدى ئىمام مۇھەممەت ئايالىغا.

باس-باسچىلىق

  • باس-باسچىلىق[يەشمىسى:] باس-باس بولۇش ھالىتى:[مىسال:] بېنەپتە كۈنلۈكىمۇ باس-باسچىلىق بىلەن ئۆتىدىغان ئاشخانا، سامسىخانا، گۆشگىردىخانىلارنىڭ بىرەرىمۇ ئوچۇق ئەمەس.

باستون

  • باستون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] ئەلا سۈپەتلىك بىر خىل يۇڭ رەخت، سارجىنىڭ بىر خىلى.

باستۇرما

  • باستۇرما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسە-كېرەكلەرنى باسۇرۇپ قويۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئېغىرتقۇ؛ باستۇرۇق:[مىسال:] باياتىن ئاتخانا ئۆگزىسىدىكى بېدىلەرگە باستۇرما كۆتەكلەرنى چىقاردۇق، دېدى مەنسۇر.

باستۇرماق

  • باستۇرماق[يەشمىسى:] ① «باسماقⅢ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ توغرا، بۇ كىتابلارنىمۇ باستۇرىمىز، ھە، راست، سۇلتان تېزرەك قايتسا بولار ئىدى، دېدى قىدىرخان.[يەشمىسى:] ② تىنچىتماق، جازالىماق:[مىسال:] قورالى يوق ئىسيانچىنى باستۇرۇش سىزنىڭمۇ قولىڭىزدىن كېلىدۇ.

باستۇرۇشماق

  • باستۇرۇشماق[يەشمىسى:] «باستۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

باستۇرۇق

  • باستۇرۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئېگەر-توقۇم، ئۇچۇلۇقنىڭ ئۈستىدىن تارتىلغان تاسما ياكى توقۇلغان بەلۋاغ. [يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىدىن باستۇرۇپ قويىدىغان ئېغىرتقۇ؛ باستۇرما:[مىسال:] ئوغرى باستۇرۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھە دەپ يۇلقۇناتتى.

باستۇرۇقلۇق

  • باستۇرۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① باستۇرۇلغان، باستۇرۇپ قويۇلغان:[مىسال:] گۆشنىڭ ئۈستىگە داس باستۇرۇقلۇق ئىدى.[يەشمىسى:] ② باستۇرۇق قىلىشقا بولىدىغان، باستۇرۇق قىلىشقا تەييارلانغان:[مىسال:] باستۇرۇقلۇق كىگىز.

باستۇرۇلماق

  • باستۇرۇلماق[يەشمىسى:] «باستۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كېيىنچە قوزغىلاڭ ئېچىنىشلىق تۈردە باستۇرۇلدى.

باسقاق

  • باسقاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر جاينى يېپىش، باستۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان، بىرەر جاينىڭ ئۈستىگە باستۇرۇلىدىغان:[مىسال:] باسقاق تېرە.

باسقان

  • باسقان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پىستان، پىسىلداق.

باسقۇچⅠ

  • باسقۇچⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پەلەمپەينىڭ ھەربىر پەللىسى:[مىسال:] ئۇ پەلەمپەيدىن بىرقانچە باسقۇچ چۈشۈپ توختىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەرەققىياتىنىڭ ھەربىر پەللىسى، دەۋر:[مىسال:] ئىنقىلابىمىز ئىككى باسقۇچتىن ئۆتتى، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۈچىنچى باسقۇچقا كىردى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىرەر دۆلەت ياكى بىرەر چوڭراق رايون دائىرىسى ئىچىدىكى ئەسىردىن كىچىك بولغان گېئولوگىيىلىك ۋاقىت بىرلىكى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەرىجە:[مىسال:] ئۇنىڭ كېسىلى خەتەرلىك باسقۇچقا كېلىپ قالدى.

باسقۇچⅡ

  • باسقۇچⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆكۈلگەن سىياھنى سۈمۈرۈش، قۇرۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۈمۈرگۈچ قەغەز ئورنىتىلغان ئەسۋاب.

باسقۇچⅢ

  • باسقۇچⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] شوتا.

باسقۇچلۇق

  • باسقۇچلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پەلەمپىيى، باسقۇچى بار:[مىسال:] ئۇ تۆت باسقۇچلۇق پەلەمپەينى بېسىپ پېشايۋانغا چىقتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزئارا باغلانغان، باسقۇچلارغا، بۆلەكلەرگە، دەۋرلەرگە بۆلۈنگەن:[مىسال:] ئىنقىلابنىڭ تەرەققىياتى باسقۇچلۇق بولىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قەدەممۇقەدەم، دەرىجىمۇدەرىجە، باسقۇچمۇباسقۇچ:[مىسال:] بۇ ئىشقا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، پىلانلىق ۋە باسقۇچلۇق ھالدا ئېلىپ بېرىش كېرەك.

باسقۇچلۇقلۇق

  • باسقۇچلۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەدەم باسقۇچلارغا بۆلۈنگەن، باسقۇچلىرى بار ھالەت، جەريان:[مىسال:] زىددىيەتلەرنىڭ بەزىلىرى كەسكىنلىشىدۇ، يەنە بەزىلىرى يېڭى تۇغۇلغان بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن جەريان ئۆزىنىڭ باسقۇچلۇقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

باسقۇچمۇباسقۇچ

  • باسقۇچمۇباسقۇچ[يەشمىسى:] قەدەممۇقەدەم، پەللىمۇپەللە، دەرىجىمۇدەرىجە، بىر-بىرلەپ، پەيدىنپەي.

باسقۇن

  • باسقۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاجاۋۇز، ھۇجۇم، باستۇرۇپ كىرىش، بولاڭ-تالاڭ:[مىسال:] باسقۇن قىلماق.

باسقۇنچى

  • باسقۇنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① زورلۇق كۈچ بىلەن باستۇرۇپ كىرىپ باشقىلارنى بۇلاپ-تالايدىغان باسمىچى، بۇلاڭچى، باندىت:[مىسال:] ئەگەر جامائەت لايىق كۆرسە، باسقۇنچىلارنىڭ كەينىدىن بىز ياشلار قوغلاپ بارايلى، بۇنىڭغا بىرىنچى بولۇپ مانا مەن تەييار.[يەشمىسى:] ② زورلۇق كۈچ بىلەن باشقا يۇرتنى، ئەلنى بېسىۋالىدىغان تاجاۋۇزچى:[مىسال:]

  • مەغرۇرلىنىپ ئالدانمىغىن ھېچ،

  • ئۇتۇقلار مەن تەرەپ قاراپ ئاقىدۇ. «

  • مەزلۇم ئەل قىساسى» دەپ كۆتۈرگىن قىلىچ،

  • باسقۇنچى ئەبلەخلەر گۆرىن تاپىدۇ.[يەشمىسى:] ③ زورلۇق بىلەن ئاياللارنى ئاياغ ئاستى قىلىپ نومۇسىغا تەگكۈچى:[مىسال:] قىزلارنىڭ نومۇسىغا تەگكەن باسقۇنچى قانۇن ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

باسقۇنچىلىق

  • باسقۇنچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① باسقۇنچىلارغا خاس ئىش-ھەرىكەت؛ قىلىق؛ تاجاۋۇزچىلىق:[مىسال:] باسقۇنچىلىق قىلماق. باسقۇنچىلىققا قارشى تۇرماق.[يەشمىسى:] ② زورلۇق بىلەن ئاياللارنىڭ ئىپپەت-نومۇسىغا تېگىش، ئاياغ ئاستى قىلىش:[مىسال:] بۇ ئادەم بۇندىن يەتتە ئاي بۇرۇن بىر نارەسىدە قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانىدى.

باسما

  • باسما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەتبەئەدە بېسىلغان، نەشر قىلىنغان:[مىسال:] باسما ماتېرىيال.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرنەرسىنىڭ ئۈستىگە ئىزى، شەكلى چۈشۈرۈلگەن:[مىسال:] باسما كىگىز. باسما گۈل.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مەتبۇئاتچىلىق<[يەشمىسى:] مەتبەئە:[مىسال:] ماقالىلار باسمىغا بېرىلدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زاۋۇتتا پاختا يىپتىن نېپىز، گۈللۈك قىلىپ توقۇلغان بىر خىل رەخت:[مىسال:]

  • ئاق باسما، يېشىل باسما،

  • كۆڭلەك كىيسەم ياراشماس،

  • ئايرىۋەتتى يارىمدىن،

  • ئىچى يامان كۆرەلمەس.

باسماقⅠ

  • باسماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇششاق ئۇچار قاناتلارنى تۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغان قاپقان:[مىسال:] باسماق قۇرماق.

باسماقⅡ

  • باسماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاسما بىلەن ئۈستىدىن باستۇرۇپ ئېتىدىغان پەس پاشنىلىق بىر خىل يازلىق ئاياغ كىيىم:[مىسال:] ئۇ ياز كۈنلىرى دائىم پۇتىغا باسماق كىيىپ يۈرەتتى.

باسماقⅢ

  • باسماقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يول يۈرمەك، دەسسىمەك، ماڭماق:[مىسال:] ئەل باسمىغان يەردە كۆپ يۈرمە (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىگە، ئىچىگە باشقا نەرسىنى قاچىلىماق، جايلاشتۇرماق:[مىسال:] ماشىنىغا ئوغۇت باسماق.[يەشمىسى:] ③ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ كۈچ بىلەن نىقتىماق:[مىسال:] ئاسىم ئۇنىڭ مۇرىسىدىن باستى.[يەشمىسى:] ④ قاپلىماق، ئورىماق:[مىسال:] ئايرىلغاننى قارا باسار، بۆلۈنگەننى بوران (ماقال). * ھاۋانى تۇمان باستى.[يەشمىسى:] ⑤ نەشر قىلماق:[مىسال:] مەن بولسام يازىمەن، ماۋۇ ئاغىنەم تۇردى بولسا كىتاب-ماقالە باسىدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ ئۈستۈن كەلمەك، ئارتىپ كەتمەك، ئېشىپ چۈشمەك:[مىسال:] نەيگە تەڭكەش قىلىنغان بىر غېجەكنىڭ ئاۋازى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئۇنى نەينىڭ ئاۋازى بېسىپ كەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ⑦ ياقماق، تەگكۈزمەك:[مىسال:] باغرىغا باسماق.[يەشمىسى:] ⑧ بىرنەرسىنى ئىككىنچى بىرنەرسىنىڭ ئۈستىگە بېسىپ ئىز چىقارماق، تىكمەك:[مىسال:] كەشتە باسماق. تامغا باسماق.[يەشمىسى:] ⑨ پەسەيتمەك، تىنچىتماق، ھاي بەرمەك، يالتايماق:[مىسال:] ئۆزىنى باسماق.[يەشمىسى:] 01 ئۇرماق:[مىسال:] دەررىگە باسماق.[يەشمىسى:] 11 ئۈستى-ئۈستىگە قويماق، تەخلىمەك:[مىسال:] چۆپ باسماق.[يەشمىسى:] 21 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زورلۇق بىلەن مەنئى قىلماق، توسماق، تىنچىتماق:[مىسال:] ئاممىنىڭ پىكرىنى باسماق.

بېسىپ ئولتۇرماق

  • بېسىپ ئولتۇرماق[يەشمىسى:] ① ئورنىدىن يۆتكەلمەي، قوزغالماي تۇرماق، جىم تۇرماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى قادىلىپ تۇرۇپ قىلماق، بېرىلىپ بېجىرمەك، قاتتىق ئىشلىمەك:[مىسال:] ئۇ قولىدىكى شۇنچە نۇرغۇن ماتېرىيالنى بېسىپ ئولتۇرۇپ بىر ھەپتىدە يېزىپ تۈگەتتى.

باسماقچى

  • باسماقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىلتاقچى، نەيرەڭۋاز، ھىيلىگەر.

باسمادىماق

  • باسمادىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «باسماقدىماق»قا قاراڭ:[مىسال:] بۆرە ئېتىلىپ كېلىپ، بورسۇقنى باسماداپتۇ.

باسماقدىماق

  • باسماقدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پۇت-قولىنى تۇتۇۋېلىپ، بۇلجۇتماي، خۇددى باسماقتا باسقاندەك بېسىۋالماق:[مىسال:] ئېپىنى كەلتۈرۈپ، بىر باسماقداش ئۈچۈن دەيلىغۇ بەگ ئاكا؟

باسماقلىقⅠ

  • باسماقلىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بېسىش ئارقىلىق ئىشلەيدىغان؛ باسماقلارغا ئىگە:[مىسال:] باسماقلىق چالغۇلار گۇرۇپپىسى.

باسماقلىقⅡ

  • باسماقلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① باسمىقى بار، باسماق كىيگەن.[يەشمىسى:] ② باسماق بولىدىغان، باسماق تىكىشكە يېتىدىغان:[مىسال:] بىر باسماقلىق خۇرۇم. ئىككى باسماقلىق كۆن.

باسمىچى

  • باسمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باسمىچىلىق ھەرىكىتىنىڭ قاتناشچىسى، بۇلاڭچى، باندىت:[مىسال:] ئۇ بۇنىڭ بىلەن تۇرماستىن باسمىچى ئوسمانغا ياردەم قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەتكە قوراللىق ھۇجۇم قىلدى.

باسمىچىلىق

  • باسمىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خەلق ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان باندىتلىق، قاراقچىلىق:[مىسال:] باسمىچىلىق ھەرىكىتى.

باسمىخانا

  • باسمىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىتاب، ژۇرنال، گېزىت، ئەسەر نەشر قىلىدىغان كارخانا؛ مەتبەئە.

باسمىل

  • باسمىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] Ⅺئەسىردىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرى.

باسنوشكا

  • باسنوشكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] پۇتنى سالقىن تۇتۇش ئۈچۈن تىكىلگەن ئاياللارنىڭ بىر خىل يازلىق ئاياغ كىيىمى.

باسۇرماق

  • باسۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① باسىدىغان قىلىپ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرماق:[مىسال:] ئۇ بوغىنى يەنە چۆپنىڭ ئاستىغا باسۇرۇپ قويدى.[يەشمىسى:] ② چۈجە چىقارتىش مەقسىتىدە بىرقانچە تۇخۇمنى كۈرۈك توخۇنىڭ ئاستىغا سېلىپ بەرمەك:[مىسال:] كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ، پەملىك ئايال توخۇلارنى بېقىپ، تۇخۇمنى يىغىپ، باسۇرۇپ، چۈجە چىقىرىپتۇ.

باسۇرۇق

  • باسۇرۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زىياپەت ياكى مېھماندارچىلىقتا تارقاشتىن بۇرۇن تارتىلىدىغان، ئىلگىرى يېگەن-ئىچكەنلەرنى بېسىش نامىدا تارتىلغان سۇيۇقئاش ياكى شۇ تۈردىكى تاماق:[يەشمىسى:] باسۇرۇق ئەتمەك.

باسۇرۇقلۇق

  • باسۇرۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باسۇرۇق رولىنى ئوينايدىغان نەرسە، يېمەكلىك:[مىسال:] باسۇرۇقلۇق ئۈچۈن سۇيۇقئاش ئەتمەك.

باسىق

  • باسىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قۇرۇتۇپ بېسىپ قويۇلغان ئوت-چۆپ.

باش

  • باش[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم بەدىنىنىڭ بويۇندىن يۇقىرى، ھايۋان بەدىنىنىڭ بويۇندىن ئالدىنقى يەنى كۆز، قۇلاق، ئېغىز، بۇرۇن قاتارلىق ئەزالار ئورۇنلاشقان قىسمى؛ كاللا:[مىسال:] سوقا باش. گىلدىڭ باش.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىك، ئۆرە نەرسىلەرنىڭ يۇقىرى تەرىپى؛ چوققىسى:[مىسال:] تاغ بېشى. دەرەخ بېشى. تونۇر بېشى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشلىق، رەھبەر:[مىسال:] ھوشۇر بەگ سەردارنى ئۇلارغا باش قىلىپ، ئىرولغا ماڭدۇردى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر كەسىپ ياكى ساھەدە باشقىلارغا رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئورنى باشقىلاردىن يۇقىرى:[مىسال:] باش كاتىپ. باش ئىنژېنېر.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەڭ مۇھىم، ئاساسىي:[مىسال:] باش بۆلەك (گرامماتىكىدا). باش ۋەزىپە.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مېڭە، ئەقىل، ھوش، زېھىن، كۆڭۈل:[مىسال:] ئۇنىڭ بېشى جايىدا ئەمەس، بولمىسا ئاشۇنداق گەپ قىلامدۇ * بېشىڭ نەگە كەتتى[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشى، ئادەم، جان، ئۆز:[مىسال:] بېشىڭنىئېلىپ بۇ يەردىن چىقىپ كەت، دەپتۇ ئايال ھاممال.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئاۋۋال، بۇرۇن، دەسلەپ، ئىلگىرى:[مىسال:]

  • يارنىڭ ئۆيى باغراشتا،

  • بەلگىسى قارا قاشتا.

  • ئانچە مەيلىڭ بولمىسا،

  • نېمىشقا ئوينىغان باشتا.[يەشمىسى:] ⑨ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرىنچى:[مىسال:] باش كۆۋرۈك. باش بارماق.[يەشمىسى:] 01 [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر باش پىياز. ئىككى باش چامغۇر. ئون باش قوناق.[يەشمىسى:] 11 [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەسىر، يىل، پەسىل، ئاي، كۈن، گەپ-سۆز قاتارلىقلار ياكى ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ باشلانغان جايى، قىسمى؛ يۇقىرى تەرىپى:[مىسال:] يىلنىڭ بېشى. گەپنىڭ بېشى. ساينىڭ بېشى. دەريانىڭ بېشى.[يەشمىسى:] 21 [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەزى زىرائەت ۋە كۆكتاتلارنىڭ كاللەك بولىدىغان مېۋىسى، ھوسۇلى، باشاق:[مىسال:] باش تەرمەك. ∥ باش پىياز.[يەشمىسى:] 31 [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاچ:[مىسال:] باش ئاقارماق. باش چۈشۈرتمەك.[يەشمىسى:]41 [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەزى ئىسىملار بىلەن بىرىكىپ شۇ ئىسىم ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن نەرسىنى ياكى شۇ نەرسە ئورۇنلاشقان جاينى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئېتىز بېشى. ئېرىق بېشى.

باش ئاغرىماق

  • باش ئاغرىماق[يەشمىسى:] ① بەدەننىڭ باش قىسمى ئاغرىماق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاۋارىچىلىككە قالماق، تەشۋىشلەنمەك، كۆڭۈلسىزلىككە، دەخمىزىگە يولۇقماق:[مىسال:] بۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق باش ئاغرىيدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايلى.

باش ئەگمەك

  • باش ئەگمەك[يەشمىسى:] بويسۇنماق، قايىل بولماق، ئىتائەت قىلماق، تەسلىم بولماق:[مىسال:]

  • كۈرەش قىلماي باش ئېگەمدۇق زورلۇققا،

  • تېگىشەمدۇق ئەركىنلىكنى قۇللۇققا.

باش باھار

  • باش باھار[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] دېھقانلار كالېندارى بويىچە 24 مەۋسۈمنىڭ بىرىنچىسى. فېۋرالنىڭ 3-5 كۈنلىرى باشلىنىدۇ.

باش تارتماق

  • باش تارتماق[يەشمىسى:] رەت قىلماق؛ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماق، چەتكە ئالماق:[مىسال:] نەئىمە يۈزىدىن نىقابنى ئېلىشتىن باش تارتىپتۇ.

باش توخۇ

  • باش توخۇ[يەشمىسى:] ① تاڭ ئالدىدا بىرىنچى قېتىم چىللىغان توخۇ:[مىسال:] مەن بالىخانىدىكى سارايغا ئۇخلىغىلى چىققاندا باش توخۇ چىللىغانىدى.[يەشمىسى:] ② تاڭ ئالدىدا بىرىنچى قېتىم توخۇ چىللىغان ۋاقىت:[مىسال:] بۈگۈن ئالىم ئۆيدە يالغۇز قالغانلىقى ئۈچۈن باش توخۇغىچە كىتاب ئوقۇدى.

باش تولغىماق

  • باش تولغىماق[يەشمىسى:] نارازى بولماق، رەت قىلماق، بويسۇنماي قويماق:[مىسال:] خان باش تولغىساڭ جايىڭ زىندان، دېدى ناۋايغا.

باش تومۇز

  • باش تومۇز[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] 24 مەۋسۈمنىڭ ئون بىرىنچىسى. ئىيۇلنىڭ 6 8 كۈنلىرى باشلىنىدۇ.

باش تىققۇدەك

  • باش تىققۇدەك[يەشمىسى:] ئادەم كىرگۈدەك، سىغقۇدەك:[مىسال:] باش تىققۇدەك ئۆيى يوق، داڭ چىققۇدەك مېلى يوق (ماقال).

باش چۆكۈرمەك

  • باش چۆكۈرمەك[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشمەك، قېتىرقىنىپ ئىزدەنمەك، چوڭقۇرلاپ كىرمەك:[مىسال:] باش چۆكۈرۈپ ئوقۇۋاتىمەن، يېزىۋاتىمەن، ئاۋۋال مېڭەمدىن قىزنى ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىمەن.

باش ساقايماق

  • باش ساقايماق[يەشمىسى:] قىيىنچىلىقى، مۈشكۈلى ھەل بولماق؛ غەم-ئەندىشىسى تۈگىمەك:[مىسال:] ئوغلۇڭغا شۇ قىزنى ئېلىپ بېرىپلا بېشىڭنى ساقايتمامسەن دېدى بارات توختىئاخۇنغا.

باشقا پىت چۈشمەك

  • باشقا پىت چۈشمەك[يەشمىسى:] غەم-ئەندىشىگە گىرىپتار بولماق، ۋەسۋەسىگە قالماق:[مىسال:] مۇشۇ يېقىندىن بۇيان، گومىنداڭچىلارنىڭ بېشىغا پىت چۈشۈپ قالدى بولغاي، ئاشلىق ئالۋىڭى كۆپىيىپ كەتتى.

باش قاتماق

  • باش قاتماق[يەشمىسى:] گاڭگىراپ قالماق، چارىسىنى تاپالماي قىينالماق:[مىسال:]

  • ئۆلۈمنامەڭنى كۆرگەندە كۆكسۈمگە پىچاق پاتتى،

  • قانداق قىلىمىز گاڭگۇڭ، ئەجەبمۇ بېشىم قاتتى.

باش قاتۇرماق

  • باش قاتۇرماق[يەشمىسى:] چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزمەك، ئەستايىدىل ئويلىماق، بېرىلىپ چارە-تەدبىر ئىزدىمەك:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلارنى كىتاب ئوقۇغاندا باش قاتۇرىدىغان، باش قاتۇرۇپ كىتاب ئوقۇيدىغان قىلىش، ئوقۇش بىلەن باش قاتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش لازىم.

باش قىش

  • باش قىش[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] 24 مەۋسۇمنىڭ ئون توققۇزىنچىسى نويابىرنىڭ 7-8 كۈنلىرى باشلىنىدۇ.

باشقا كەلمەك

  • باشقا كەلمەك[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا دۇچار بولماق، يولۇقماق:[مىسال:] كېيىنكى ئىشلار ئابدۇللانىڭ بېشىغا كەلمىگەن بولسا، ئۇ بۇ قەدەر چۈشكۈنلىشىپ كەتمىگەن بولاتتى.

باش كۈز

  • باش كۈز[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] 24 مەۋسۇمنىڭ ئون ئۈچىنچىسى ئاۋغۇستنىڭ 7-9 كۈنلىرى باشلىنىدۇ.

باشقا كۈن چۈشمەك

  • باشقا كۈن چۈشمەك[يەشمىسى:] ئوڭۇشسىزلىققا، پېشكەللىككە ئۇچرىماق؛ قىيىن ئەھۋالدا قالماق:[مىسال:] ئەر بېشىغا كۈن چۈشسە، ئۆتۈك بىلەن سۇ كېچەر (ماقال).

باشقا كىيمەك

  • باشقا كىيمەك[يەشمىسى:] ۋارقىراپ-جارقىراپ غوۋغا كۆتۈرمەك، ئالەمنى بىر ئالماق:[مىسال:] قانداق بولدى، دېدى ئىسھاق قارا كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ. ئاپاڭ غوۋغا كۆتۈرۈپ ئۆينى بېشىغا كىيدىمۇ

باش كۆتۈرمەك

  • باش كۆتۈرمەك[يەشمىسى:] ① ئۈنۈپ چىقماق، باش تارتماق:[مىسال:] تۆكۈلگەن تەر، قانۇياشلاردىن، ئۈمىد گۈلىكۆتۈرمەكتە باش.[يەشمىسى:] ② ئۆرلىمەك، كۆتۈرۈلمەك (ئاي ۋە قۇياش ھەققىدە):[مىسال:] تاڭ ئاقىرىپ، ئۇپۇقتىن باش كۆتۈرۈپ چىققان قۇياش پۈتۈن جاھاننى يورۇتتى.[يەشمىسى:] ③ پەيدا بولماق، قايتا جانلانماق، تىرىلمەك:[مىسال:] ئۇ قەلبىدە زورىدۇنغا قارىتا خەيرخاھلىق تۇيغۇسى باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى.[يەشمىسى:] ④ قوزغالماق، قارشى چىقماق:[مىسال:] تەشۋىق ۋەرەقلىرىگە گومىنداڭغا قارشى باش كۆتۈرۈشنىڭ، ئازادلىق سېپىگە ئۇيۇشۇشنىڭ لازىملىقى يېزىلغانىدى.[يەشمىسى:] ⑤ قەد كۆتۈرمەك:[مىسال:] بىزنىڭمۇ باش كۆتۈرۈپ چىقىدىغان كۈنىمىز كېلىدۇ، يۈرەك يېزىلغۇدەك خۇشال بولىدىغان كۈنىمىز كېلىدۇ، ئۇزاق قالمىدى.[يەشمىسى:] ⑥ داڭ چىقارماق، مەشھۇر بولماق:[مىسال:] ئۇ ئۈرۈمچىدە ھازىر خېلى باش كۆتۈرۈپ قالدى.

باش كېلىش

  • باش كېلىش[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئىسىم ۋە ئىسىم خاراكتېرلىك سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق كېلىش قوشۇمچىلىرى ئۇلانمىغان نۆل شەكلى.

باش ئۈستىگە

  • باش ئۈستىگە[يەشمىسى:] «بەجانىدىل»، «پۈتۈن كۈچ، پۈتۈن ئىمكانىيىتىم بىلەن» دېگەن مەنىلەردىكى جاۋاب سۆزى:[مىسال:] ئاغىچا، سەنەم ئەتىدىن باشلاپ مەدرىسىگە چىقمىسۇن دېدى شاھى ئابباس ئاغىچا ئانىغا. باش ئۈستىگە، دېدى ئاغىچا ئانا قوللۇق بىلدۈرۈپ.

باش ياز

  • باش ياز[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] دېھقانلار كالىندارى بويىچە 24 مەۋسۇمنىڭ يەتتىنچىسى. ماينىڭ 5-، 7-كۈنلىرى باشلىنىدۇ.

بېشى ئاسمانغا تاقاشماق

  • بېشى ئاسمانغا تاقاشماق[يەشمىسى:] چەكسىز خۇشاللىققا چۆممەك، ئىنتايىن ھاياجانلانماق:[مىسال:] كۈنلەرنىڭ بىرىدە سېنىڭ قولۇڭدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلاردىن بىرەرى داڭلىق ئادەم بولۇپ قالسا، قېرىغىنىڭدا ئۇ سېنى يوقلاپ كېلىپ، ئوڭ قولىنى كۆكرىكىگە قويۇپ سالام بەرسە، سېنىڭ بېشىڭ ئاسمانغا تاقاشمامدۇ؟

بېشى ئاسمانغا يەتمەك

  • بېشى ئاسمانغا يەتمەك[يەشمىسى:] «بېشى ئاسمانغا تاقاشماق»قا قاراڭ:[مىسال:] بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بېشىم ئاسمانغا يەتكۈدەك بولدى.

بېشى باغلانماق

  • بېشى باغلانماق[يەشمىسى:] لايىق تۇتماق، توي قىلىدىغان نىشان بىلەن پۈتۈشمەك:[مىسال:] ئەكسىچە دادام خۇرسەن بولدى. بېشىڭ باغلىنىپتۇ، دەپ بېشىمنى سىلاپ قويدى، بەختلىك ئۆتۈڭلار، دەپ دۇئا قىلدى.

بېشى بوش

  • بېشى بوش[يەشمىسى:] بىراۋغا باغلانمىغان، لايىقى يوق، توي قىلىشقا پۈتۈشمىگەن: خەلىپە:[مىسال:] ياتلىق قىلىنغانمۇ دەپ سورىدى. يوقسۇ، خەلىپە، قىزىمنىڭ بېشى بوش ۋە ئازادە، دېدى.

بېشى پىشماق

  • بېشى پىشماق[يەشمىسى:] تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكىنى تېتىپ، تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئىگە بولماق؛ چېنىقماق، تاۋلانماق:[مىسال:] كۆپنى كۆرۈپ بېشى پىشقان، دېدى بۇجاڭ ئايىمخانغا.

بېشى چوڭ

  • بېشى چوڭ[يەشمىسى:] باشباشتاق، ئۆز بېشىمچى، ئۆز بىلگىنىنى ھېساب دەيدىغان:[مىسال:] ھېلىقى بېشى چوڭ قىز بەك ئىچىمنى قايناتتى. ئاشلىقنى ساتايلى دەپ، مېنى خېلى ئويناتتى.

بېشى چۈشمەك

  • بېشى چۈشمەك[يەشمىسى:] ① ئوسال ئەھۋالدا قالماق، تەن بەرمەك:[مىسال:] ئەمەلىي پاكىتلار ئالدىدا ئەمەتنىڭ بېشى چۈشتى.[يەشمىسى:] ② روھسىزلانماق، چۈشكۈنلەشمەك:[مىسال:] ئاكتىپلارنىڭ بېشى چۈشتى، دۈينى ساقلاپ قېلىش راستتىنلا ناھايىتى قىيىن ئىدى.

بېشىدا ياڭاق چاقماق

  • بېشىدا ياڭاق چاقماق[يەشمىسى:] بوزەك قىلماق، خورلىماق، ئاياغ ئاستى قىلماق:[مىسال:] قاراپ تۇرساق، لەي سى بېشىمىزدا ياڭاق چاقىدۇ، نەسەب ئۈزۈلىدۇ، سىلى ئېغىر كۆرمەي، كاھنى ھەمراھ قىلىپ، ئاتۇشقا بېرىپ كەلسىلە قانداق؟ − دېدى ئاينىگار.

بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتمەك

  • بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتمەك[يەشمىسى:] قاتتىق قورقماق، ئالاقزادە بولماق، ئەندىشە قىلماق:[مىسال:] دوختۇرنىڭ تازىلانمىغان خورمىنى جىق يەپ زەھەرلەنگەن دېگەن خۇلاسىسىنى ئاڭلىغاندا، قادىرئاكا بىلەن مەريەمخاننىڭ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.

بېشىغا چىقماق

  • بېشىغا چىقماق[يەشمىسى:] ھالاكەتكە ئېلىپ بارماق؛ نابۇت قىلماق، ئۆلتۈرمەك:[مىسال:] ئالدىرىماي تۇر، مۇشۇ قىزغانچۇقلۇقۇڭ. ئاچ كۆزلۈكۈڭ بىر كۈنى بولمىسا بىركۈنى سېنىڭمۇ بېشىڭغا چىقىدۇ.

بېشىنى باغلىماق

  • بېشىنى باغلىماق[يەشمىسى:] قىز ياكى يىگىتكە لايىق تېپىپ ئۇناشتۇرۇپ قويماق:[مىسال:] ھازىر ياتسام، قوپسام غېمىم مۇشۇ ئىككى قىزىمنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشى، بولۇپمۇ گۈلەندەمدىن بېشىم قېتىۋاتىدۇ، دىلبەرنىڭغۇ بېشىنى باغلاپ قويدۇق.

بېشىنى سىلىماق

  • بېشىنى سىلىماق[يەشمىسى:] غەمخورلۇق، ياخشىلىق قىلماق؛ ئۆز پاناھىغا ئېلىپ تەربىيىلىمەك، باقماق:[مىسال:] ئۇ ئادەم مەھەللىمىزنىڭ شۇڭقارى ئىدى. رەھمىتى بىزنىڭ يۆلەنچۈكىمىز، بېشىمىزنى سىلايدىغان ئاتىمىز ئىدى.

بېشىنىڭ سۈيى بار

  • بېشىنىڭ سۈيى بار[يەشمىسى:] گەپ-سۆز، ھەرىكىتى بەزىدە نورمال ئەمەس؛ ساراڭ قېتىش:[مىسال:] تازا بېشىنىڭ سۈيى بار بىرنەرسىمۇ، قانداق، دەپ ئويلىدى لېتىپ ئىچىدە ئابلىكىمگە ئالىيىپ.

بېشىنى ئوڭلىماق

  • بېشىنى ئوڭلىماق[يەشمىسى:] ① ئۆيلەپ قويماق، ياتلىق قىلماق:[مىسال:] مەھەللىگە بىر قېتىم راسا ياخشى قىلىپ چاي بېرەيلى، ئىشنىڭ يولىمۇ شۇ، ئاندىن لايىقىنى تېپىپ، ئەكبەرنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويايلى.[يەشمىسى:] ② مۈشكۈلىنى، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ قويماق:[مىسال:] بېرەرمەننىڭ بېشىنى ئالارمەن ئوڭلاپتۇ (ماقال).

بېشىنى يەيدىغان

  • بېشىنى يەيدىغان[يەشمىسى:] ئاياللارنىڭ «ئېغىر ئاقىۋەتكە، ھالاكەتكە يولۇقۇشقا تېگىشلىكسەن»، «ئۆلۈشكە لايىقسەن» دېگەن مەنىدىكى قارغىش سۆزى.

بېشىنى يېمەك

  • بېشىنى يېمەك[يەشمىسى:] ئېغىر ئاقىۋەتكە، ھالاكەتكە يولۇقماق؛ ئۆلمەك:[مىسال:] ياخشى بولساڭ ئېشىڭنى يەيسەن، يامان بولساڭ بېشىڭنى يەيسەن (ماقال).

باشاقⅠ

  • باشاقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇغداي، ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ دان تۇتقان قىسمى، بېشى:[مىسال:] قېرى ۋە ياشلار ۋاقىتنى ئۇشلا، باشاق چېچىلسا، خامانغا تاشلا.

باشاقⅡ

  • باشاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوقيا ئوقىنىڭ بېشى، ئۇچ قىسمى.

باشاقⅢ

  • باشاقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پالەك.

باشاقسىز

  • باشاقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشىقى يوق، باشاق چىقارمىغان، باشاق تۇتمىغان:[مىسال:] باشاقسىز بۇغداي مايسىلىرى سۈزۈك شامالدا كۆك دېڭىزدەك دولقۇنلايتتى.

باشاقسىمان

  • باشاقسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشاققا ئوخشايدىغان، باشاق شەكىللىك:[مىسال:] باشاقسىمان گۈل رېتى.

باشاقلانماق

  • باشاقلانماق[يەشمىسى:] «باشاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] 6-ئاي كىرىشى بىلەن بۇغدايلار باشاقلىنىشقا باشلايدۇ.

باشاقلىق

  • باشاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشىقى بار، باشاقلانغان، باشاققا ئىگە:[مىسال:]

  • زوقلىنىسەن ئالتۇن باشاقلىق

  • زەپمۇ تولۇق بۇغداي دېنىغا،

  • قۇش قانىتى تەگمەي ئۆتەلمەس،

  • دۆۋىلەنگەن خامان بېشىغا.

باشاقلىماق

  • باشاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باش چىقارماق (بۇغداي، قوناق قاتارلىق زىرائەتلەر ھەققىدە):[مىسال:] بۇغداي باشاقلىدى.

باش-ئاخىر

  • باش-ئاخىر[يەشمىسى:] باش ۋە ئاخىر، بېشى-ئاخىرى:[مىسال:] باش-ئاخىرى يوق گەپ.

باش-ئاياغ

  • باش-ئاياغ[يەشمىسى:] باش ھەم ئاياغ؛ پۈتۈن تۇرقى:[مىسال:] ئۇ كىشىمۇ غالىبنى باغرىغا بېسىپ، بېشىنى سىلىغان ھالدا، ئۇنىڭ باش-ئايىغىغا قارايتتى.

باشباشتاق

  • باشباشتاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]باش+باش+تاق[[يەشمىسى:] ھېچكىمگە ۋە ھېچقانداق قانۇن-قائىدىگە، تەرتىپ-ئىنتىزامغا بويسۇنمايدىغان، ئۆز بېشىمچە؛ بەڭۋاش:[يەشمىسى:] ئۇ بەكمۇ باشباشتاق بالا ئىكەن.

باشباشتاقلىق

  • باشباشتاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىش، ئۆز بېشىمچىلىق:[مىسال:] باشباشتاقلىق قىلماق.

باش-بۇرۇن

  • باش-بۇرۇن[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى نەرسىنىڭ بېشى، ئالدى، دەسلەپكىسى:[مىسال:] ئاشنىڭ باش-بۇرنىنى يېمەك.

باشپاناھ

  • باشپاناھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]باش+پاناھ[[يەشمىسى:] ① قوغدىغۇچى، ھىمايە قىلغۇچى، پاناھ بولغۇچى:[مىسال:] پاشپاناھ بولماق. * قۇتقۇزۇلدى خەۋپ ئىچىدىن تېزلا سالىخ ھەم ئاتا. بولدى ئەل غەمخور ئۇلارغا ھەم تايانچى، باشپاناھ.[يەشمىسى:] ② پاناھلىنىدىغان جاي:[مىسال:] ئۇ ئامالسىزلىقتىن بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ باشقا يۇرتقا كۆچۈپ بېرىپ، باشپاناھ بولغۇدەك ئورۇن تاپتى.

باشپاناھسىز

  • باشپاناھسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① باشپاناھى بولمىغان، باشپاناھى يوق:[مىسال:] موماينىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن ئالماس باشپاناھسىز قالدى.[يەشمىسى:] ② پاناھلىنىدىغان جايى يوق:[مىسال:] ئۆيىمىز ئۆرۈلدى، باشپاناھسىز قالىدىغان بولدۇق، دېدى موماي ھەسرەت چېكىپ.

باشپاناھلىق

  • باشپاناھلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① باشپاناھ بولىدىغان كىشىسى بار:[مىسال:] بۇ يېتىم بالا بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ باش پاناھلىقىدا چوڭ بولدى.[يەشمىسى:] ② پاناھلىنىدىغان ماكانى بار:[مىسال:] باشپاناھلىق يېرىمىز بار.

باشتىن-ئاخىر

  • باشتىن-ئاخىر[يەشمىسى:] بېشىدىن باشلاپ تاكى ئاخىرغىچە، باشلىنىشىدىن تاكى تۈگىگىنىچە:[مىسال:] مەن باشتىن-ئاخىر ھەممىنى بىلىمەن.

باشتىن-ئاياغ

  • باشتىن-ئاياغ[يەشمىسى:] بېشىدىن ئايىغىغىچە، باشتىن-ئاخىر.

باشچى

  • باشچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشلامچىلىق قىلغۇچى، باشلىق، رەھبەر:[مىسال:] قوشۇن باشچىسى.

باشچىلىق

  • باشچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يولباشچىلىق، رەھبەرلىك:[مىسال:] جەڭچىلەر شۇ زامان كوماندىرنىڭ باشچىلىقىدا دۈشمەنگە قاراپ ئېتىلدى.

باشسىز

  • باشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بېشى، كاللىسى يوق:[مىسال:] باشسىز گەۋدە.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشلىقسىز، باشقۇرغۇچىسىز، يېتەكچىسىز، باشلامچىسىز:[مىسال:] بۇ شەھىرىمىز باشسىز قالدى.

باشسىمان

  • باشسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقا ئوخشايدىغان، باش شەكىللىك:[مىسال:] باشسىمان گۈل رېتى.

باشقا

  • باشقا[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يات، غەيرىي؛ بىراۋ؛ بۆلەك، ئۆزگە:[مىسال:] ئويى باشقىنىڭ مۇڭى باشقا (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قايتا، يەنە:[مىسال:] بۈگۈن ياخشى قارىيالمىدىم، باشقا كەل.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]تىركەلمە.[يەشمىسى:] تاشقىرى، سىرت:[مىسال:] شۇ ئېيتقانلىرىمدىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيمەن، دېدىم.

باشقا-باشقا

  • باشقا-باشقا[يەشمىسى:] بىر-بىرىدىن پەرقلىق، ھەرخىل، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان، ئايرىم-ئايرىم:[مىسال:] پەرھات بىلەن دۇرنەم باشقا-باشقا سىنىپتا بولسىمۇ، ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ پائالىيەتلىرىدە بىللە بولاتتى.

باشقارما

  • باشقارما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى، بۆلۈم:[مىسال:] مالىيە باشقارمىسى.

باشقۇرتماق

  • باشقۇرتماق[يەشمىسى:] «باشقۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

باشقۇرغۇچى

  • باشقۇرغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] باشقۇرغۇچى گېن شۇنىڭدەك يېقىن جايلاشقان قۇرغۇچى گېنلاردىن تەركىب تاپقان فۇنكسىيىلىك بىرلىك:[مىسال:] باشقۇرغۇچى تۈر. باشقۇرغۇچى گېن.

باشقۇرماق

  • باشقۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىدارە قىلماق؛ يولغا سالماق:[مىسال:] ئادەم باشقۇرماق. مەكتەپ باشقۇرماق. دۆلەتنى باشقۇرماق.[يەشمىسى:] ② تېگىشلىك چارە-ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئىشقا سالماق، ھەرىكەتكە كەلتۈرمەك، يۈرگۈزمەك، ھەيدىمەك:[مىسال:] رولنى باشقۇرماق. سەن تېخى ئاتنى باشقۇرالمايسەن.

باشقۇرۇشماق

  • باشقۇرۇشماق[يەشمىسى:] «باشقۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] رەھبەرلىك ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ، زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈمىنى ياخشى باشقۇرۇشتى.

باشقۇرۇلماق

  • باشقۇرۇلماق[يەشمىسى:] «باشقۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھەقىقەتەن «روشەنباغ» باشقۇرۇلۇپتۇ، دېدى ئابدۇۋېلى.

باشقۇرۇلىدىغان

  • باشقۇرۇلىدىغان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەرىكىتى مۇئەييەن تەرتىپلەر ئاساسىدا كونترول قىلىنىدىغان، بەلگىلىك كونتروللۇق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدىغان:[مىسال:] باشقۇرۇلىدىغان بومبا.

باشقىچە

  • باشقىچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① باشقىلاردىن بىرەر جەھەتتىن ياكى پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغان؛ ئۆزگىچە، بۆلەكچە:[مىسال:] چىش باشقىچە ئاغرىيدۇ، كۆز باشقىچە (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئالاھىدە، پەۋقۇلئاددە:[مىسال:] شۇنىڭ بىلەن نەچچە يىلدىن بېرى پەرۋىش قىلىنماي كەلگەن مېۋىلەر بۇ يىل باشقىچە ئوخشاپ كەتتى.

باشقىدىن

  • باشقىدىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قايتىدىن، يېڭىۋاشتىن:[مىسال:] مەن بۇ تەرجىمىنى باشقىدىن ئىشلىمەكچى.

باشقىرت

  • باشقىرت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار باشقىرتىستاندا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى. باشقىرتىستاننىڭ ئاساسىي ئاھالىسى.

باشقىرتچە

  • باشقىرتچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىرتلارغا، باشقىرت خەلقىگە، باشقىرت تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت، باشقىرت خەلقىگە خاس بولغان:[مىسال:] باشقىرتچە كىيىم. باشقىرتچە ناخشا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىرت تىلى، يېزىقى:[مىسال:] باشقىرتچە سۆزلەشمەك.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] باشقىرت تىلىنى ئىشلىتىپ، باشقىرت تىلىدا:[مىسال:] باشقىرتچە سۆزلىمەك.

باش-كۆز

  • باش-كۆز[يەشمىسى:] بەدەننىڭ بويۇندىن يۇقىرى قىسمى، باش ۋە كۆز ئورۇنلاشقان جاي:[مىسال:] باش-كۆزى يېرىلىپ كەتكەن ئەپەندىنى كۆرگەن خوتۇنى: بۇ كېچىدە نەگە باردىڭىز، دەپ سوراپتۇ.

باشلاپ

  • باشلاپ[يەشمىسى:] ① «باشلىماقⅠ» پېئىلىنىڭ رەۋىشدىشى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئەڭ ئاۋۋال، ھەممىدىن ئاۋۋال، دەسلەپ، ئەڭ دەسلەپ:[مىسال:] بۇ ئىشنى باشلاپ كىم قىلدى[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] (چىقىش كېلىشتىكى سۆزلەردىن كېيىن كەلگەندە) بېرى، بۇيان، ئېتىبارەن، تارتىپ:[مىسال:] شۇ كۈندىن باشلاپ قادىر كېۋىر ئاكىنى ئۆزىگە مەسلىھەتچى قىلىۋالدى.

باشلاتماقⅠ

  • باشلاتماقⅠ[يەشمىسى:] «باشلىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مىراب ئۈستىدە تۇرۇپ يېڭى چاپقان ئېرىققا سۇ باشلاتتى.

باشلاتماقⅡ

  • باشلاتماقⅡ[يەشمىسى:] «باشلىماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن ئالدىنقى يىلى ئالغان خۇرۇم ئۆتۈكۈمنى بۇ يىل يېڭىدىن باشلاتتىم.

باشلاشماق

  • باشلاشماق[يەشمىسى:] «باشلىماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] خان ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى چوڭ پايتەختتىن ناھايىتى ئۇزاقلاشقاندىن كېيىن ئاندىن رەسمىي ئوۋنى باشلاشتى.

باشلام

  • باشلام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىر يۈرۈش ئېتىزلارغا ئەڭ باشتا سۇ كىرىدىغان ئېتىز:[مىسال:] سۇ ئەمدى باشلامغا چىقىپ تۇراتتى، باشتىن توسۇۋالدى.[يەشمىسى:] ② ئېچىق:[مىسال:]

  • كۆمدى ئۇنى باشلامغا،

  • ئوچۇق قويۇپ بېشىنى،

  • كۆمۈپ بولۇپ چورۇق پوم،

  • غۇچۇرلاتتى چىشىنى.

باشلامباش

  • باشلامباش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]باشلام+باش[[يەشمىسى:] ① ئۇچار قاناتلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۇچۇرما بالىسى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەلۇم بىر ئىش-ھەرىكەت، ئويۇن-تاماشىنى باشلاپ بەرگۈچى:[مىسال:] ئۇ شورىدىن ئاتلاپ باغقا كىرگەن بىر توپ بالىلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ: سىلەرنىڭ باشلامبېشىڭلار كىم، دەپ سورىدى.

باشلامچى

  • باشلامچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتا ئەڭ ئاۋۋال ھەرىكەتكە كېلىپ باشقىلارنى يېتەكلىگۈچى ئادەم:[مىسال:] بىز بۇ ئىشتا باشلامچى بولۇشىمىز كېرەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتا ئەڭ ئاۋۋال ھەرىكەتكە كېلىپ باشقىلارنى يېتەكلەيدىغان، باشلايدىغان:[مىسال:] ئۆتكەنكى ئون يىل ئىچىدە بىئولوگىيە تەبىئىي پەنلەر ئىچىدىكى باشلامچى پەن بولدى.

باشلامچىلىق

  • باشلامچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتا ئاۋۋال ھەرىكەتكە كېلىپ، باشقىلارنى باشلاش، يېتەكلەش پائالىيىتى:[مىسال:] باشلامچىلىق قىلماق.  كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىش قىلىشى كېرەك.

باشلانغۇچ

  • باشلانغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دەسلەپكى، ئەڭ ئاۋۋالقى، باشلىنىشتىكى، ئاددىي:[مىسال:] ئىملانى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ باشلانغۇچ ئاساسلىرى يارىتىلدى.[يەشمىسى:] ② بىرىنچى باسقۇچتىكى ئىپتىدائىي:[مىسال:] باشلانغۇچ مەكتەپ. باشلانغۇچ كوممۇنا.

باشلانما

  • باشلانما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشنىڭ باشلىنىشى، دەسلىپى:[مىسال:] بۈگۈنكى مېھماندارچىلىق بىر باشلانما ئىدى.

باشلانماقⅠ

  • باشلانماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① باشلاش ئىشى ئورۇنلانماق:[مىسال:] كىنو باشلاندى. مېھمانلار زالغا باشلاندى.[يەشمىسى:] ② يېتىپ كەلمەك:[مىسال:] سوغۇق باشلاندى. تارىم دەرياسى تەڭرى تېغىنىڭ ئېتىكىدىن باشلىنىدۇ.

باشلانماقⅡ

  • باشلانماقⅡ[يەشمىسى:] «باشلىماقⅡ» پئېىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ئۆتۈك ياخشى باشلىنىپتۇ.

باشلىقⅠ

  • باشلىقⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشچىلىق قىلغۇچى مەسئۇل كىشى؛ رەھبەر:[مىسال:] ئائىلە باشلىقى. ئىدارە باشلىقى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشچىلىقىدىكى، يېتەكچىلىكىدىكى، ۋەكىللىكىدىكى:[مىسال:] بۇ يەرگە ساۋۇت باشلىق ۋە سېخ مەسئۇللىرىمۇ كەلگەنىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بېشى (كاللىسى) بار، باشقا ئىگە:[مىسال:] ئاق باشلىق بوۋاي.

باشلىقⅡ

  • باشلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① خالات، يامغۇرلۇق قاتارلىق كىيىملەرنىڭ باشقا كىيىدىغان قىسمى:[مىسال:] پۇتۇمدىكى پىيما، ئۈستۈمدىكى پاختىلىق چاپان، باشلىقى بار ئاق خالات ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىشقا كاشىلا قىلاتتى.[يەشمىسى:] ② ئاياغ كىيىمنىڭ يۈزىنى قاپلاپ تۇرىدىغان قىسمى:[مىسال:] ئۆتۈككە باشلىق سالدۇرماق.

باشلىقسىز

  • باشلىقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشلىق يوق، باشلىق قويۇلمىغان:[مىسال:] باشلىقسىز ئىدارە. باشلىقسىز تەشكىلات. ∥ باشلىقسىز ئۆتمەك.

باشلىقلىقⅠ

  • باشلىقلىقⅠ[يەشمىسى:] باشلىق قىلىدىغان ئىش، ۋەزىپە:[مىسال:] باشلىقلىققا كۆتۈرۈلمەك.  دەرۋەقە، ئۇنىڭغا مەنسەپ ياراشقاندەك باشلىقلىققا كۆتۈرۈلۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا سەمرىپ كەتتى.

باشلىقلىقⅡ

  • باشلىقلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياغ كىيىمىنىڭ يۈزىنى قاپلاشقا ئىشلىتىلىدىغان رەخت.

باشلىماقⅠ

  • باشلىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشقا كىرىشمەك:[مىسال:] سۆز باشلىماق. * ئەگەر رازى بولسىڭىز بۈگۈنلا ئوپېراتسىيىنى باشلايمىز.[يەشمىسى:] ② يول كۆرسىتىپ، باش بولۇپ، يېتەكلەپ بارماق، ئەگەشتۈرمەك:[مىسال:] ئاشپەز ئوتۇنچىنى ئاشخانىغا باشلاپ كىردى.[يەشمىسى:] ③ تەكلىپ قىلماق:[مىسال:] ۋاي خۇدايىم، ئۆيگە باشلىماي قاراپ تۇرغىنىمنى قاراڭلار، قېنى ئۆيگە، ئۆيگە كىرىڭلار.[يەشمىسى:] ④ بىرەر ئىشتا ئەڭ ئاۋۋال ھەرىكەتكە كېلىپ باشقىلارغا باش بولۇپ يېتەكلىمەك:[مىسال:] بۇ ئىشنى ئەڭ دەسلەپ كىم باشلىغان، بىلەمسىز[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقۇرماق، تەربىيە بەرمەك:[مىسال:] بالىنى باشلىماق.  ئاتا باشلىمىغاننىڭ پوردىقى چوڭ، ئانا باشلىمىغاننىڭ ئەمچىكى چوڭ (ماقال).

باشلىماقⅡ

  • باشلىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باشلىق سالماق، يېڭى باشلىق سېلىپ تىكمەك (ئۆتۈك، مەسە قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] تۇردىئاخۇن ئۇستام ئۆتۈكنى بەك ياخشى باشلايدۇ.

باشماق

  • باشماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياللار كىيىدىغان يەڭگىل، پۇت شامالداپ تۇرىدىغان بىر خىل يازلىق ئاياغ كىيىمى:[مىسال:] پۇتىغا يېنىك باشماق كىيىپ، چاچلىرىنى بېشىغا تۈرمەللەپ نېپىز ياغلىق بىلەن مەھكەم چىگىۋالغان بىر قىز كېلىۋاتاتتى.

باشمالتاق

  • باشمالتاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باش بارماق:[مىسال:] قىز قولىغا ئىتتىك پىچاق ئېلىپ، ھەر ئىككى قولۇم ۋە ئىككى پۇتۇمنىڭ باشمالتاقلىرىنى كېسىپ تاشلىدى. ھوشۇمدىن كەتتىم.

باشمۇباش

  • باشمۇباش[يەشمىسى:] تەڭ قىممەتتە، ئۈستەكسىز:[مىسال:] باشمۇباش تېگىشمەك.

باشنىك

  • باشنىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تور دوپپا.

باش-ئۇچ

  • باش-ئۇچ[يەشمىسى:] باش ھەم ئۇچ، باش-بۇرۇن، يەنى بىرەر نەرسە ياكى ئىشنىڭ بېشى، دەسلىپى.

باشۋاغ

  • باشۋاغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]باش+باغ[[يەشمىسى:] چارۋىلارنىڭ بېشىغا باغلىغان ئارغامچا.

باشى

  • باشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئۇستا، ماھىر.

باغⅠ

  • باغⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مېۋىلىك دەرەخ، تەك ۋە گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈلگەن يەر، مېۋىزارلىق:[مىسال:] ئالمىلىق باغ. * بېغى بارنىڭ تېغى بار (ماقال).

باغⅡ

  • باغⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① باغلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان نەرسە:[مىسال:] ئىشتان بېغى.[يەشمىسى:] ② بۇغداي، پىچان، بېدە، ئوتۇن قاتارلىقلارنىڭ باغلانغان ھەربىر دانىسى:[مىسال:] بىر باغ بۇغداي.[يەشمىسى:] ③ مېۋە-چېۋە، قوغۇن-تاۋۇزلارنىڭ ساپىقى:[مىسال:] بېغىدا پىشىپ قالغان يەل-يېمىش.[يەشمىسى:] ④ سېۋەت، چۆگۈن، چېلەك قاتارلىقلارنىڭ تۇتقۇچى:[مىسال:] سېۋەت بېغى. چۆگۈن بېغى. چېلەك بېغى.

باغاش

  • باغاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇچاقلاش، باغرىغا بېسىش:[مىسال:] باغاش ئەتمەك.

باغاشلاشماق

  • باغاشلاشماق[يەشمىسى:] «باغاشلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:]

  • يۈرىكىم ئېيتتى: «جەنۇب ئۈزۈك بولسا،

  • كۆز بولۇپ يەكەن ئاڭا خوپ ياراشتى».

  • سېنىڭدە تۇرغان قۇتلۇق كۈنلىرىمدە

  • ئىلھاملار نەزمە بىلەن باغاشلاشتى.

باغاشلىماق

  • باغاشلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باغرىغا باسماق؛ قۇچاقلىماق:[مىسال:] ھېچ بولمىسا يارىم بار تاغنىڭ توپا-تاشلىرىنى باغاشلاپ كۆز يۇمالىساممۇ، ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن.

باغاق

  • باغاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاقىرىلىدىغان مېھمانلارغا ئەۋەتىلىدىغان تەكلىپنامە:[مىسال:] بۇ باغاقتا شائىر 31-دېكابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان تەبرىكلەش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغانىدى.

باغاقچە

  • باغاقچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خەت يېزىلغان كىچىككىنە قەغەز:[مىسال:] دەل چۈشتى ئالدىمغا كىچىك باغاقچە، چۈشتى ۋە غۇژژىدە شۈركەندى تېنىم.

باغ-بوستان

  • باغ-بوستان[يەشمىسى:] ياشنىغان، باراقسانلاشقان باغلار، بوستانلار:[مىسال:] چۆللەر باغ-بوستانغا ئايلاندى.

باغ-بوستانلاشماق

  • باغ-بوستانلاشماق[يەشمىسى:] باغ-بوستان بولغان ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئۇلار بۇ يېزىلارنى باغ-بوستانلاشتۇردى.

باغ-بوستانلىق

  • باغ-بوستانلىق[يەشمىسى:] ياشنىغان، باراقسانلاشقان باغلار، بوستانلار بار جاي:[مىسال:] مانا بۇ دەشت-باياۋاننىڭ ھازىرقىدەك باغ-بوستانلىققا ئايلىنىشىدا ھەممىمىزنىڭكىدىن ئۇنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى كۆپ.

باغجانلىماق

  • باغجانلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاينىماق، باراقسانلىماق:[مىسال:] ئۆسۈپ باغجانلىدى قايتا قەدىمىي ئۈجمىزار باغلار...

باغچە

  • باغچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىچىك باغ. [يەشمىسى:] ② ھەر خىل گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخ ئۆستۈرۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ ئىستىراھەت قىلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان جاي؛ ئاممىۋى باغ.[يەشمىسى:] ③ مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ تەربىيىلىنىش ئورنى:[مىسال:] بالىلار باغچىسى.[يەشمىسى:] ④ بەزىبىر ئاز ئۇچرايدىغان ھايۋانلارنى بېقىپ، كىشىلەرنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان ئورۇن؛ ئاجايىپخانا:[مىسال:] ھايۋانات باغچىسى.

باغچى

  • باغچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باغ باغلايدىغان ئادەم:[مىسال:] ئورمىچىلار سول بېشىغا چىقىپ بولغۇچە، باغچى قىزلارمۇ باغلىرىنى باغلاپ ئۇلاردىن قالماي قىر ئۈستىدە تەييار بولاتتى.

باغچىلىق

  • باغچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باغ بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى پەرۋىش قىلىش پائالىيىتى.

باغدىن-تاغدىن

  • باغدىن-تاغدىن[يەشمىسى:] ئۇ يەردىن-بۇ يەردىن رەتسىز، ئىزچىل ئەمەس:[مىسال:] باغدىن-تاغدىن سۆزلىمەك.

باغلاتماق

  • باغلاتماق[يەشمىسى:] «باغلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنى مەھكەم باغلىتىپ قويغانىكەنمەن، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق تۇرۇۋېرىدۇ.

باغلاشماق

  • باغلاشماق[يەشمىسى:] ① «باغلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] گۇناھىم شۇمىكىن، بىلمىدىم زادى، تۇيۇقسىز تۈندە كېلىپ باغلاشتى مېنى.[يەشمىسى:] ② ماسلاشماق، باب كەلمەك، مۇۋاپىقلاشماق:[مىسال:] يازغان ماقالىلىرىنىڭ جۈملىلىرى خېلى باغلىشىپتۇ.[يەشمىسى:] ③ بىرەر نەرسە ھەققىدە ۋەدىلەشمەك، شەرتلەشمەك:[مىسال:] مەن باغلىشىمەنكى، ئۇ مېنىڭ مۈلكۈمنى ھازىرلا ئەمەس، يەنە كېيىنمۇ ئۆز قولىدا تۇتىمەن دەيدۇ.

باغلاق

  • باغلاق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنى باغلايدىغان باغلىق:[مىسال:] باغلاقتىكى ئىت ئوۋغا يارىماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باغلانغان، باغلاغلىق؛ تېڭىلغان، تېڭىقلىق:[مىسال:]

  • بىر بالاغا ئۇچرىدىم،

  • ئىككى بالاغا ئۇچرىدىم،

  • بوينى باغلاق بوز لاچىندەك،

  • ئىنتىزارغا ئۇچرىدىم.

باغلاقسىز

  • باغلاقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باغلانمىغان، تېڭىلمىغان:[مىسال:] باغلاقسىز ئات.

باغلاقلىق

  • باغلاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باغلانغان، باغلاپ قويۇلغان، تېڭىلغان، تېڭىپ قويۇلغان:[مىسال:] ئۇنىڭ قولى باغلاقلىق ئىدى.

باغلام

  • باغلام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① توپلاپ، دەستىلەپ باغلانغان نەرسىلەرنىڭ ھەربىر بېغى:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزى بىرنەچچە باغلام ئون كويلۇق پۇلغا چۈشتى.[يەشمىسى:] ② ساناق سانلار بىلەن كېلىپ، باغلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر باغلام پىياز. بىر باغلام شاخ.

باغلام-باغلام

  • باغلام-باغلام[يەشمىسى:] ئايرىم-ئايرىم باغلانغان، بىر باغلام-بىر باغلامدىن قىلىنغان:[مىسال:] تام بويلاپ قويۇلغان يېڭى جاھازىلاردا تۇرغان باغلام-باغلام باغاقلاردىن باشقا گۈللۈك چىنە قاچا، چوڭ-كىچىك تاۋاقلار دەستىلەكلىك تۇراتتى.

باغلانچى

  • باغلانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئارغامچا، ئارقان.

باغلانما

  • باغلانما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باغلانغان، باغلىنىدىغان:[مىسال:] باغلانما تەسەۋۋۇرلۇق سەزگۈ. باغلانما ھەرىكەت.

باغلانماق

  • باغلانماق[يەشمىسى:] ① «باغلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قارشىلىق قىلما ئۇنىڭ كۆڭلى ساڭا باغلانغان.[يەشمىسى:] ② «باغلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: بىرنەچچە ئادەم قوللىرى باغلانغان ھالدا تۇراتتى.[مىسال:] بىر-بىرىگە زىت ئىككى تەرەپ مۇئەييەن شارائىتتا ئۆزئارا چېتىلىشىپ ئوخشاشلىققا، ئورتاقلىققا ئىگە بولماق:[مىسال:] مانا شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇلار بىر-بىرىگە يىپسىز باغلىنىپ قېلىشتى.

باغلىغۇچ

  • باغلىغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دېھقانلار ۋە شۇ تۈردىكى ئىشلاردا، ھارۋا ياكى ئات-ئۇلاغلارنىڭ تۈرلۈك تاسما-تانىلىرى ئۈزۈلۈپ كەتكەندە شۇلارنى ئۆزئارا ئۇلاپ چىڭىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بارماق توملۇقىدىكى ياغاچ ياكى تۆمۈر ئەسۋاب. كۆپىنچە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئىنچىكە مۈڭگۈزىمۇ باغلىغۇچ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

باغلىغۇچى

  • باغلىغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] جۈملىدە جۈملە بۆلەكلىرىنى ۋە مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنى بىر-بىرىگە باغلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ياردەمچى سۆز ۋە سۆز تۈركۈمى.

باغلىقⅠ

  • باغلىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بېغى بار، باغقا ئىگە:[مىسال:] ئۇنىڭغا خىزىرنىڭ بىر باغلىق ھويلىسى تەقسىم قىلىندى.[يەشمىسى:] ② باغ ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، باغ قىلىنىدىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ بېغى بولمىغانلىقتىن بۇ قېتىم بىر مو باغلىق يەر بېرىلدى.

باغلىقⅡ

  • باغلىقⅡ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باغلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ئۆزىدىن ياكى باشقا نەرسىلەردىن ياسىلىدىغان باغ:[مىسال:] ئۇلار بىر تەرەپتىن باغلىق ئېشىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزلىرى باغلاپ باراتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باغلاقلىق:[مىسال:] يۈسۈپ ئاكا خەۋەر ئالغىن ھالىمدىن، قولۇم باغلىق زۇلۇم بىرلە ئۆلۈرمەن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] مۇناسىۋەتلىك، چېتىشلىق ئالاقىدار:[مىسال:] بۇ ئىش ھەرقايسىلىرىغا باغلىق.

باغلىماق

  • باغلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① باغ، تۈگۈن سېلىپ ئۇلىماق؛چىگمەك:[مىسال:] بەتىنكىنىڭ بوغقۇچىنى باغلىماق.[يەشمىسى:] ② ئارغامچا، باغلىق، بوغقۇچ قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن بىرەر نەرسىنى قىمىرلىيالمايدىغان قىلىپ تاڭماق:[مىسال:] بوينىنى باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس (ماقال). * تىلسىز ئادەمنى باغلىغىچە ئىزا تارتساڭچۇ مانا مەندەك ئادەمنى باغلاڭلار.[يەشمىسى:] ③ ئورناتماق، تۇرغۇزماق، تىكلىمەك:[مىسال:] مۇھەببەت باغلىماق.[يەشمىسى:] ④ مۇناسىۋەتلەشتۈرمەك، يېقىنلاشتۇرماق، چېتىشتۇرماق:[مىسال:] مەسىلىلەرنى بىر-بىرىگە باغلاپ قاراش كېرەك.[يەشمىسى:] ⑤ قونماق، قاپلىماق:[مىسال:] شىرنە باغلىماق.[يەشمىسى:] ⑥ ياسىماق:[مىسال:] سۇپا باغلىماق.[يەشمىسى:] ⑦ ئەسىر قىلماق، مەپتۇن قىلماق، ئۆزىگە قارىتىۋالماق:[مىسال:] چىرايلىق يۈزۈڭ بىلەن مېنى ئۆزۈڭگە باغلىدىڭ.[يەشمىسى:] ⑧ ئەتمەك، ياپماق، توسىماق، تاڭماق:[مىسال:] جاللات كېلىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىنى باغلاپتۇ.[يەشمىسى:] ⑨ توسماق، تۇتماق، باشلىماق:[مىسال:] سۇ باغلىماق.

باغلىنىش

  • باغلىنىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① باغلانغان ھالەت؛ باغلىق بولۇش. [يەشمىسى:] ② ۋەقە، ھادىسە ۋە شۇ ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەت؛ ئالاقە:[مىسال:] ئەگەر بۇ خۇنپەرلەر بىلەن ھېچبىر باغلىنىشىم بولمىسا، ئۇلار مېنى نېمە قىلالايتتى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] شەيئىنىڭ ئىچكى زىددىيەت تەرەپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ياكى شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا بېقىنىش، تەقەززا قىلىش ۋە بىر-بىرىگە ئايلىنىش مۇناسىۋىتى.

باغلىنىشسىز

  • باغلىنىشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باغلىنىشى يوق، باغلانمايدىغان؛ ئالاقە-مۇناسىۋىتى يوق، مۇناسىۋەتسىز.

باغلىنىشلىق

  • باغلىنىشلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باغلىنىشى بار، ئالاقىسى بار، چېتىشلىقى بار؛ مۇناسىۋەتلىك، ئالاقىدار:[مىسال:] بىر-بىرىگە زىت نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولىدۇ.

باغمۇباغ

  • باغمۇباغ[يەشمىسى:] باغ ۋە باغ، باغدىن باغقا:[مىسال:] باغمۇباغ يۈرۈپ سەيلە قىلماق.

باغۇبوستان

  • باغۇبوستان[يەشمىسى:] باغ ۋە بوستان.

باغۋاران

  • باغۋاران[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]باغ+باراڭ[[يەشمىسى:] باغ ۋە باغ ئەتراپىدىكى دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈلگەن جاي:[مىسال:] ئەزالارنىڭ شەخسىي يەر، باغۋاران، گۈللىرىگىمۇ ئەسلا سۇ يوق.

باغۋارانلاشتۇرماق

  • باغۋارانلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «باغۋارانلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

باغۋارانلاشتۇرۇلماق

  • باغۋارانلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «باغۋارانلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

باغۋارانلاشماق

  • باغۋارانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باغۋارانغا ئايلانماق:[مىسال:] تەكلىماكان قىرغىقى باغۋارانلاشقاندا مېنى ئېسىڭلاردىن چىقىرىپ قويماڭلار، -دېدى بوۋاي مىڭ تەسلىكتە.

باغۋارانلىق

  • باغۋارانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باغۋارىنى بار، باغۋارانغا ئىگە:[مىسال:] شۇ ئىككىسى شۇ يۈرگىنىچە باغۋارانلىق بىر يەرگە يېتىپ كەپتۇ.

باغۋەن

  • باغۋەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] باغنى پەرۋىش قىلغۇچى كىشى:[مىسال:] سېنىڭدەك بىر ياخشى گۈل، باغدا ياتامدۇ، سورايمۇ مەن باغۋەنلەردىن پۇلغا ساتامدۇ؟

باغۋەنچىلىك

  • باغۋەنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «باغۋەنلىك»كە قاراڭ:[يەشمىسى:] باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانماق.

باغۋەنلىك

  • باغۋەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باغ ۋە مېۋىلىك كۆچەتنى يېتىشتۈرۈش، پەرۋىش قىلىش ئىشى ۋە كەسپى:[مىسال:] باغۋەنلىك قىلماق.

باغىر

  • باغىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① جىگەر، بېغىر. [يەشمىسى:] ② كۆكرەك، كۆكس، تۆش:[مىسال:] باغرىغا باسماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆڭۈل، دىل، نىيەت، يۈرەك، قەلب:[مىسال:] باغرى تاش. باغرى قاتتىق. باغرىنى ئەزمەك.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۇغقان، قېرىنداش:[مىسال:] ئېلىقۇل ئۆز باغرىم ئەمەسمۇ، مۇشۇ ئۆيدە تۇردۇم، قېرىنداشلار خەۋەر ئېلىشتى، كەتمە دېيىشتى.[يەشمىسى:] ⑤ ئېتەك، قاپتال، يان:[مىسال:] بۇ يىلمۇ مۇزتاغ باغرىغا باھار كەلدى.

باغرى تاش

  • باغرى تاش[يەشمىسى:] شەپقەتسىز، رەھىمسىز، مېھىر-مۇھەببىتى كەم:[مىسال:] باغرى تاش ئادەم.

باغرى كاۋاپ

  • باغرى كاۋاپ[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ دەردىدە، ئىشقىدا، ئارزۇسىدا كۆيگەن، ئۆرتەنگەن:[مىسال:]

  • قولۇڭ ئۇزات، قوينۇڭغا تارت باغرى كاۋاپنى،

  • تەشنا يۈرەك سەندىن كۈتەر شېرىن جاۋابنى...

باغىرتاق

  • باغىرتاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ئاياللارنىڭ كۆكسىنى ئاسراش، كۆتۈرۈش ۋە يوشۇرۇش ئۈچۈن كۆكسىگە تاقايدىغان بۇيۇم؛ لىپتىك.

باقار

  • باقار[يەشمىسى:] بەزى ئىسىملار بىلەن بىللە كېلىپ «باققۇچى، قارىغۇچى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئات باقار. ئىشىك باقار.

باقالى

  • باقالى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۇن، قوي يېغى، سۈت، شېكەر، ھەسەل، ياڭاق، ئۈزۈم، تۇخۇم، سودا، قەھۋە قاتارلىقلارنى سېلىپ خېمىرنى سۇيۇق قىلىپ يۇغۇرۇپ، دۇخوپكىدا پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل يېمەكلىك.

باقاندەك

  • باقاندەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] راۋۇرۇس، كېرەككە كېلىدىغان؛ قابىل:[مىسال:] توختىئاخۇن ئاكامنىڭ باقاندەك تۆت ئوغلى بار.

باقاۋۇل

  • باقاۋۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] پادىشاھ، خان سارايلىرىدا پادىشاھ ۋە خانلارغا تاماق تەييارلاشقا مەسئۇل مەنسەپدار:[مىسال:] پادىشاھ ھىلىقى مەخلۇقنى جاڭگالغا مېھماندارچىلىققا تەكلىپ قىلىشقا باقاۋۇللارنى بۇيرۇپتۇ.

باقتۇرماق

  • باقتۇرماق[يەشمىسى:] «باقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] نېمە ئۈچۈن قويۇمنى باشقىلارغا باقتۇرىدىكەنمەن

باقتۇرۇلماق

  • باقتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «باقتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

باققال

  • باققال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قوغۇن-تاۋۇز، مېۋە-چېۋە بىلەن تىجارەت قىلغۇچى:[مىسال:] ئۇ ھېلىقى ساقچىنىڭ قاسىم باققال بىلەن كاۋاپخانىدا ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى.

باققالچىلىق

  • باققالچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «باققاللىق»قا قاراڭ.

باققاللىق

  • باققاللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوغۇن-تاۋۇز، مېۋە-چېۋە بىلەن تىجارەت قىلىش كەسپى:[مىسال:] باققاللىق قىلماق.

باقما

  • باقما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەخسۇس بېقىش، ئۆستۈرۈش يولى بىلەن يېتىشتۈرۈلگەن، بېقىلغان.

باقماق

  • باقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① نەزەر تاشلىماق، نەزەر سالماق، قارىماق:[مىسال:] كۆككە باقما، كۆپكە باق (ماقال).[يەشمىسى:] ② قاراشلىق بولماق؛ ئاغزىغا قارىماق:[مىسال:] بايغا باققان قۇل بولار، كەمبەغەلگە باققان گۈل بولار (ماقال).[يەشمىسى:] ③ كۆزەتمەك، قاراپ تۇرماق، ساقلىماق، مۇھاپىزەت قىلماق:[مىسال:] ئۇنى ئىككى پايلاقچى بېقىپ تۇرۇپتۇ.[يەشمىسى:] ④ تەربىيىلىمەك، پەرۋىش قىلماق، ھالىدىن خەۋەر ئالماق:[مىسال:] بالا باقماق. كېسەل باقماق.[يەشمىسى:] ⑤ ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئۆي قۇشلىرىنى پەرۋىش قىلماق، ئاسرىماق، ئوتلاتماق:[مىسال:] پادا باقماق. توخۇ باقماق.[يەشمىسى:] ⑥ ئاختۇرماق، ئىزدىمەك:[مىسال:] يانچۇقىنى باقماق.[يەشمىسى:] ⑦ تېپىپ ئۆلتۈرمەك:[مىسال:] پىت باقماق. باش باقماق.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېمەك، ئىچمەك:[مىسال:] ئاشقا باقماق. * قېنى يولداشلار، نانغا بېقىڭلار، چايدىن ئېلىڭلار...[يەشمىسى:] ⑨ مۇۋاپىقلاشقان، ماسلاشقان ھالدا ئىش تۇتماق:[مىسال:] زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق (ماقال).[يەشمىسى:] 01 رەۋىشداشلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ تۈس مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[يەشمىسى:] 1) ئىش-ھەرىكەتنى بېجىرىشكە ئۇرۇنۇشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مەن ھېچقاچان يالغان سۆزلەپ باقمىغان.[يەشمىسى:] 2) ئىش-ھەرىكەتنى سىناپ كۆرۈش، بېجىرىش، قىلىپ بېقىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] يەپ باقماق. تېتىپ باقماق.

باقمىچى

  • باقمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى.

باقمىچىلىق

  • باقمىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چارۋا ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بېقىش ھەم كۆپەيتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى:[مىسال:] دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتىن ئېشىپ قالغان بىر قىسىم ئەمگەك كۈچلىرى مۇلازىمەت خىزمىتى، سودا، باقمىچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى.

باقىلە

  • باقىلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى چاسا شەكىلدە، ئىچى كاۋاك؛ گۈلى ئاق، يۈزىدە سۆسۈن رەڭلىك دېغى بار؛ قاسىراقلىق مېۋە تۇتىدۇ؛ ئۇرۇقىنى يېگىلى بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ياكى ئۇرۇقى؛ دادۇر.

باقىمەندە

  • باقىمەندە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەڭگۈلۈك، ئەبەدىيلىك، دائىمىيلىق:[مىسال:] بۇ دۇنيا ھېچكىمگە باقىمەندە ئەمەس.

باقىمەندىلىك

  • باقىمەندىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باقىمەندىلىك، باقىمەندە بولغان:[مىسال:] باقىمەندىلىك تۈزۈم ئىلمىي قانۇنىيەتكە خىلاپ.

باقىي

  • باقىي[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دائىمىي، ئەبەدىي، مەڭگۈ، مەڭگۈلۈك، ئۆلمەس:[مىسال:] باقىي ئالەم. * مەن ساڭا باقىي ئەمەس، كىمنىڭ قولىدا بولسام، شۇنىڭغا ئىشلەيمەن.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

باقىي ئالەم

  • باقىي ئالەم[يەشمىسى:] «باقىي دۇنيا»غا قاراڭ.

باقىي دۇنيا

  • باقىي دۇنيا[يەشمىسى:] ئۇ ئالەم، قىيامەت، ئاخىرەت:[مىسال:] ئەگەر بۇ ئالما بولمىغان بولسا، قىز باقىي دۇنياغا كېتەتتى.

باك

  • باك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] سۇ ۋە ماي قاتارلىق سۇيۇقلۇق قاچىلىنىدىغان مېتال ياكى يالتىراق تۇڭ.

باكالاۋر

  • باكالاۋر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بەزى دۆلەتلەردە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان.

باكتېرىن

  • باكتېرىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] «ۋاكسىنا»غا قاراڭ.

باكتېرىئوفاگ

  • باكتېرىئوفاگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] مىكرو ئورگانىزملارنىڭ بىر خىلى، شەكلى قۇمچاققا ئوخشايدۇ، باكتېرىيىلەرنى ئېرىتەلەيدۇ.

باكتېرىئولوگ

  • باكتېرىئولوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] باكتېرىئولوگىيە ئىلمى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى، باكتېرىئولوگىيە مۇتەخەسسىسى، باكتېرىئولوگ.

باكتېرىئولوگىيە

  • باكتېرىئولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] باكتېرىيىلەرنىڭ ھالىتى، تۈزۈلۈشى، تۈرى ۋە ھاياتىي پائالىيەت قانۇنىيىتىنى؛ باكتېرىيىلەرنىڭ سانائەتتىكى ئېچىتىش ھەم ئىنسان ۋە جانلىقلاردا بولىدىغان كېسەللىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم؛ باكتېرىئولوگىيە.

باكتېرىئولوگىيىلىك

  • باكتېرىئولوگىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باكتېرىئولوگىيىگە ئائىت، باكتېرىئولوگىيىگە ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان ياكى ئۇنى ئاساس قىلغان.

باكتېرىيە

  • باكتېرىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] مىكرو ئورگانىزملارنىڭ چوڭ بىر تۈرى، تېنى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، پەقەت مىكروسكوپلار ئارقىلىقلا كۆرۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ شارسىمان، تاياقسىمان، بۇرمىسىمان، يايسىمان ۋە يىپسىمان قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر بولىدۇ.

باكتېرىيىلىك

  • باكتېرىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باكتېرىيىسى بار، باكتېرىيىگە ئىگە:[مىسال:] باكتېرىيىلىك تولغاق.

باكېلىت

  • باكېلىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] فېنول بىلەن فورمالدېگىتنى سىنتېز قىلىش ئارقىلىق ياسالغان بىر خىل يالتىراق. قاتتىق ۋە يۈزى سىلىق كېلىدۇ، ئاساسەن توك ئىزولياتور ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. ئۇ يەنە «فېنول-فورمالدېگىت يالتىراق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

باگۇ

  • باگۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ماقالە يېزىش، نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىقلاردا قوللىنىدىغان بىر خىل مەنىسىز، قېتىپ قالغان، ئۆلۈك، ناچار ئىستىل:[مىسال:] پارتىيە باگۇسى.

باگۇچىلىق

  • باگۇچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] باگۇ ئىستىلى بىلەن شۇغۇللىنىش:[مىسال:] باگۇچىلىققا قارشى تۇرۇش.

باڭⅠ

  • باڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① ئېلان قىلىنغان تىزىملىك. [يەشمىسى:] ② يازما چوڭ خەتلىك ئېلان.

باڭⅡ

  • باڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] قاداق.

باڭⅢ

  • باڭⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يېرىم مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قۇرۇق ياغاچتىن ئىچى كاۋاك قىلىپ ئويۇلغان، چوڭ ئىككى چوكا بىلەن ئۇرۇلىدىغان يەرلىك ياغاچ ناغرا:[مىسال:] باڭ چالماق.

باڭلىق

  • باڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] «قاداقلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] بىر باڭلىق چايدان.

بالⅠ

  • بالⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ھەسەل:[مىسال:]

  • چىمەنلەرنىڭ لېۋىدىن تۆكۈلدى ئەنبەر،

  • ئالما، ئانار باغرىدىن ئاقتى بال، شېكەر.

بالⅡ

  • بالⅡ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] يەر تەۋرەش ۋە شامال قاتارلىق تەبىئىي ھادىسىلەرنىڭ كۈچىنى بىلدۈرىدىغان ئۆلچەم بىرلىكى:[مىسال:] بەش بال شامال. ئالتە بال يەر تەۋرەش.

بالاⅠ

  • بالاⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق:[مىسال:] بالىنى ئېمىتمەك. بالىسىغا ئەمچەك سالماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاتا-ئانىسىغا نىسبەتەن قىز ياكى ئوغۇل پەرزەنت:[مىسال:] مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بويىغا يەتمىگەن ئادەم؛ ياش:[مىسال:] قىز بالا. ئوغۇل بالا. * ئادەمنىڭ مېۋىسى-بالا (ماقال).[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېشى چوڭ بولسىمۇ گۆدەكلەرچە ئىش، قىلىقلارنى قىلىدىغان؛ نادان:[مىسال:] بالا، قىلغان ئىشىڭ چالا (ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىچىك، ياش:[مىسال:] بالا ئىشچى. بالا پادىشاھ.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېڭى تۇغۇلغان كىچىك ھايۋان ياكى تۇخۇمدىن چىققان قۇش:[مىسال:] قاغا بالام ئاپئاق دەيدۇ، كىرپە بالام يۇمشاق دەيدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر تۈردىكى چوڭ-كىچىك نەرسىلەرنىڭ كىچىكى:[مىسال:] بالا مەش. بالا توقاچ. بالا يەڭ. بالا تام.

بالاⅡ

  • بالاⅡ[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقا كەلگەن ئاپەت؛ پالاكەت؛ خەۋپ-خەتەر:[مىسال:] ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي داۋاغا (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاپەت، خەۋپنىڭ سەۋەبى؛ ئىللىتى:[مىسال:] بىر بالاسى بولمىسا، قۇيرۇق ياتامدۇ تاشتا (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدىغان؛ ئۇستا، چېۋەر، ماھىر:[مىسال:] قاسىم دوستىنىڭ دولىسىغا قېقىپ تۇرۇپ:[مىسال:] سۆزگە بالا نېمە ئىكەنسەن، دەپ ماختاپ قويدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناھايىتى زور، ھېچ نەرسە كار قىلمايدىغان نەرسە.

بالاⅢ

  • بالاⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ئۆينىڭ ئۈستىنى يېپىشتا سىنجى ياغاچ ئۈستىگە توغرىسىغا قويۇلىدىغان ۋە ئۈستىگە ۋاسا ئورنىتىلىدىغان ياغاچ؛ جەگە.

بالا بېشى

  • بالا بېشى[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ① تامنىڭ جەگە (لىم) قويۇلغاندىن كېيىن جەگە (لىم) ئارىلىقلىرىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئېتىلگەن قىسمى.[يەشمىسى:] ② بالا ياغاچنىڭ سىنجىغا قويۇلغان بېشى.

بالا-چاقا

  • بالا-چاقا[يەشمىسى:] ① بىر ئائىلىدىكى چوڭ-كىچىك، قىز-ئوغۇل بالىلار:[مىسال:] يۈسۈپ توختى: ئاتا-ئانا بىلەن بالا-چاقا ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈلۈك ۋاپادارلىق بولۇشى كېرەك، دەيتتى.[يەشمىسى:] ② ئائىلە ئەزالىرى؛ خوتۇن ۋە بالىلار:[مىسال:] ئايىمخان ئاچا: ساۋۇت، مە، بالا-چاقاڭدىن خەت كەپتۇ، دەپ يانچۇقىدىن بىر پارچە خەتنى ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇندى.

بالا-چاقىسىز

  • بالا-چاقىسىز[يەشمىسى:] بالا-چاقىسى يوق، پەرزەنتلىرى يوق؛ پەرزەنت كۆرمىگەن ياكى پەرزەنتلىرى يېنىدا بولمىغان.

بالا-چاقىلىق

  • بالا-چاقىلىق[يەشمىسى:] بالا-چاقىسى، ئائىلىسى بار:[مىسال:] ئۇ توغرا سىياسەت يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۆيلىنىپ بالا-چاقىلىق بولۇپ قالدى.

بالاخور

  • بالاخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋالىدىغان، ھارام تاماق:[مىسال:] ئۇ غەزىپىنى زورىغا بېسىپ، كۆزلىرىگە غىل-پال ياش ئالغان ھالدا: ھۇ، تويماس بالاخور دەۋەتتى.[يەشمىسى:] ② بالايىئاپەت، خەۋپ-خەتەر پەيدا قىلىدىغان؛ جېدەلخور:[مىسال:] نادىر: بۇ بالاخور ئايروپىلانلارنى يوقاتماي تۇرۇپ، قايسى يۈزۈم بىلەن قىسىمغا قايتىمەن دېدى.

بالاخورلۇق

  • بالاخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بالاخورلارغا خاس ئىش-ھەرىكەت.

بالادەك

  • بالادەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھايىتى زور، ھېچ نەرسە كار قىلمايدىغان:[مىسال:] بالادەك نەرسە. بالادەك نەپسىدىن كەچمەك.

بالاغەت

  • بالاغەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قىز-ئوغۇللارنىڭ جىسمانى جەھەتتىن يېتىلىشى:[مىسال:] بالاغەتكە يەتمەك.

بالا-قازا

  • بالا-قازا[يەشمىسى:] ئۆلۈم ۋە مۇسىبەت ئېلىپ كېلىدىغان تۈرلۈك بالا ۋە قازالار:[مىسال:] بالا-قازا دەرەخ بېشىدا ئەمەس، ئادەم قېشىدا (ماقال).

بالالايكا

  • بالالايكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] رۇسلارنىڭ ئۈچ تارلىق چېكىپ چالىدىغان چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرى، ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، دەستىسىگە پەدە باغلانغان؛ ئۇرۇپ چېلىشقىمۇ، چېكىپ چېلىشقىمۇ ياكى بارماقلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ مەرغۇللىتىشقىمۇ بولىدۇ.

بالالىقⅠ

  • بالالىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بالاسى بار، بالا سادىر بولغان:[مىسال:] كۆرگىلى ھۆسنۈڭنى زارۇ مۇپتىلا بولدۇم ساڭا، نە بالالىق كۈن ئىدىكى ئاشىنا بولدۇم ساڭا.

بالالىقⅡ

  • بالالىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بالاسى بار:[مىسال:] بەش بالالىق ئۆي.[يەشمىسى:] ② بالا بولالايدىغان، بالاغا لايىق:[مىسال:] بالالىق ياغاچ.

بالانس

  • بالانس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① بەلگىلىك بىر مۇددەت ئىچىدىكى كىرىم بىلەن چىقىم بىر-بىرىگە سېلىشتۇرۇلۇپ ۋە نىسبەتلەشتۈرۈلۈپ چىقىرىلغان يەكۈن:[مىسال:] ئاكتىپ بالانس. پاسسىپ بالانس. بىر ئايلىق بالانس.[يەشمىسى:] ② تەڭپۇڭ ھالەت:[مىسال:] بالانس بولماق. بالانس قىلماق.

بالانسلاشتۇرماق

  • بالانسلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «بالانسلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بالانسلاشتۇرۇلماق

  • بالانسلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «بالانسلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بىر يىللىق كىرىم-چىقىم بالانسلاشتۇرۇلدى.

بالانسلاشماق

  • بالانسلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كىرىم-چىقىم تەڭلەشمەك، تەڭپۇڭلاشماق.

بالايىئاپەت

  • بالايىئاپەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بالا+يى+ئاپەت[[يەشمىسى:] تۈرلۈك ئېغىر بالا، ئاپەتلەر:[مىسال:] ئون يىللىق بالايىئاپەت ئۇلارنىڭ يىلىكىنى ئۈزۈۋەتتى، چوڭ قازاننىڭ ئېشى قورساق تويغۇزۇشقا يېتىشمىدى.

بالايىئاپەتلىك

  • بالايىئاپەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈرلۈك ئېغىر بالا ۋە ئاپەتلەرنى پەيدا قىلىدىغان ياكى بالايىئاپەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:[مىسال:] بالايىئاپەتلىك يىللار.

بالايىئەزىم

  • بالايىئەزىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بالا+يى+ئەزىم[[يەشمىسى:] ناھايىتى زور، ئىنتايىن چوڭ بالا:[مىسال:] چۈشۈمدە بىراۋ ماڭا: بۇ بالايىئەزىمدىن كىشىلەرنى قۇتقۇز، دېدى.

بالايىبەتتەر

  • بالايىبەتتەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بالا+يى+بەتتەر[[يەشمىسى:] ناھايىتى يامان ۋە زىيىنى ئىنتايىن زور بولىدىغان بالايىئاپەت:[مىسال:] ھالۋىنى ھېكىم يېسە، تاياقنى يېتىم دېگەندەك، كونا جەمئىيەتتە بالايىبەتتەر خەلقنىڭ بېشىغا چۈشەتتى.

بالبال

  • بالبال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئارخېئولوگىيە<[يەشمىسى:] قەدىمكى تۈرك ھۆكۈمرانلىرى قەبرىگاھ ياكى قورغان ئەتراپلىرىغا خاتىرە سۈپىتىدە ئورنىتىپ قويىدىغان، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە تاش. بۇلارنىڭ بەزىلىرىدە ئويما ياكى قاپارتما يېزىق ۋە بەلگىلەر بولىدۇ.

بالبۇئا

  • بالبۇئا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پانامانىڭ پۇل بىرلىكى.

بالچى

  • بالچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بال يىغقۇچى ياكى بال ساتقۇچى كىشى.

بالچىلىق

  • بالچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بال يىغىش ۋە سېتىش ئىشى، كەسپى.

بالداق

  • بالداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① سۇ ياكى يۈك قاتارلىقلارنى دولىدا كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ياپىلاق ياغاچ؛ ئەپكەش:[مىسال:] بىر بالداق سۇ.[يەشمىسى:] ② شوتا، كارىۋات، ئورۇندۇق ۋە شۇ تىپتىكى نەرسىلەرنىڭ ئارىلىقلىرىغا بېكىتىلگەن ياغاچ؛ چېتىق. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باسقۇچ، پەللە، دەرىجە:[مىسال:] جەڭچىلەرنىڭ ھەربىي سۈپىتى ئىلگىرىكىدىن بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.[يەشمىسى:] ④ نەرسىلەر يۈزىگە توغرىسىغا چۈشۈرۈلگەن يول ياكى رەڭلىك بەلگە:[مىسال:] ئالا بالداق مايكا.

بالداقلاتماق

  • بالداقلاتماق[يەشمىسى:] «بالداقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بالداقلاشماق

  • بالداقلاشماق[يەشمىسى:] «بالداقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بالداقلانماق

  • بالداقلانماق[يەشمىسى:] «بالداقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بالداقلىق

  • بالداقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بالدىقى بار، بالداق سېلىنغان:[مىسال:] بالداقلىق كارىۋات.

بالداقلىماق

  • بالداقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بالداق ئورناتماق، چېتىق بېكىتمەك، چېتىقلىماق.

بالداقمۇبالداق

  • بالداقمۇبالداق[يەشمىسى:] ① بىر بالداق بىر بالداقتىن. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پەللىمۇ پەللە، دەرىجىمۇ دەرىجە، پەيدىنپەي:[مىسال:] داپنى چېلىشتا ئاددىي بىرلەشتۈرۈشتىن باشلاپ، تەدرىجىي ھالدا بالداقمۇبالداق مۇرەككەپلىككە قاراپ ئىلگىرىلەيمىز.

بالدۇر

  • بالدۇر[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئەسلى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن؛ ئىلگىرى، دەسلەپ:[مىسال:] بالدۇر بارغان گۆش يەر، كېيىن بارغان مۇشت يەر (ماقال).

بالدۇرقى

  • بالدۇرقى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەسلەپكى، ئاۋۋالقى:[مىسال:] بالدۇرقى ئىش.

بالدۇرلۇق

  • بالدۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بالدۇر بولۇش، ئىلگىرىلىك:[مىسال:] بالدۇرلۇق قىلماق.

بالدىرغان

  • بالدىرغان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تىك، ئوتتۇرىسى كاۋاك كېلىدۇ؛ مېۋىسى تۇخۇم شەكىللىك بولىدۇ؛ تېبابەتتە دورا قىلىنىدۇ؛ تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل، ئاچچىق، زەھەرسىز بولۇپ، سوغۇق يەلنى، ھۆللۈكنى قايتۇرىدۇ؛ ئاغرىق باسىدۇ.

بالدىرغانلىق

  • بالدىرغانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بالدىرغان ئۆسكەن ياكى بالدىرغان تېرىلغان يەر:[مىسال:] بۇ ئوتلارنى بالدىرغانلىقنىڭ ئەتراپىدىن ئورۇپ كەلدىم، دېدى قاسىم ئەمەتكە قولىدىكى بىر تۇتام ياۋا ئوتنى كۆرسىتىپ.

بالدىز

  • بالدىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەرگە نىسبەتەن ئۆز ئايالىنىڭ ئۆزىدىن كىچىك بولغان ئەر-ئايال ئۇرۇق-تۇغقان يېقىنلىرى، ئايالنىڭ ئىنى-سىڭىللىرى ياكى ئۆزىدىن كىچىك بولغان ئۇرۇق-تۇغقان يېقىنلىرى.

بالغۇن

  • بالغۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يۇلغۇن ئائىلىسىگە كىرىدىغان چاتقال. يوپۇرمىقى تەڭگىگە ئوخشايدۇ؛ گۈللىرى غولىنىڭ ئۇچىغا توپلىشىپ ئۆسۈپ، ئومۇمىي گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ ئۇرۇقىدا تۈكلىرى بولىدۇ. كۆپىنچە دەريا ساھىلىدە ئۆسىدۇ.

بالقىماق

  • بالقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۆتۈرۈلمەك، ئېتىلىپ چىقماق، بەرق ئۇرۇپ كۆرۈنمەك:[مىسال:] شەپەقتەك بالقىساڭ كۆكتە، بۇلۇتتەك شۇنچىلىك پەسمەن، قولۇمنى تۇتمىساڭ رەببىم، بۇ دەريادىن ئۆتەلمەسمەن.[يەشمىسى:] ② يارقىن نۇر چاچماق، يالتىرىماق؛ پارلىماق:[مىسال:] تاڭ شەپىقى —... بالقىپ كۆتۈرۈلۈپ چىقىۋاتقان نۇرلۇق قۇياشنىڭ سەلتەنەتلىك خەۋەرچىسى.

بالكون

  • بالكون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] بىنانىڭ ھەربىر قەۋەتلىرىدىكى، دېرىزىسى كوچا، ھويلا ياكى ھاۋالىق تەرەپكە قارىغان، ئۆيلەرگە بىرىكتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان پېشايۋان ياكى بىنانىڭ ئۆگزىسىدىكى ھاۋالىنىدىغان جاي.

بالكونسىز

  • بالكونسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بالكونى يوق، بالكون ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان.

بالكونلۇق

  • بالكونلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بالكونى بار، بالكون ئورۇنلاشتۇرۇلغان:[مىسال:] مەن بالكونلۇق ئۆيگە قاراپ غەزەپ بىلەن يۈگۈردۈم.

باللادا

  • باللادا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] شېئىر بىلەن يېزىلغان لىرىك قىسسە، ئېپىك داستان، سۇژىتلىق شېئىر.

باللىستىكا

  • باللىستىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئوق يولىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن، ئۇ ئادەتتە ئىچكى باللىستىكا ۋە تاشقى باللىستىكا دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

باللىماق

  • باللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەسەل ھەرىلىرى ھەر خىل گۈل چېچەكلىرىنى يەپ ھەسەل قۇسماق:[مىسال:] بىزدە پۇل بار، ئابرۇي بار. خۇددى بال ئىچىگە باللىغان ھەرە لىچىنكىلىرىدەك ياشايمىز.

بالنىست

  • بالنىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] «كېسەلخانا»غا قاراڭ.

بالون

  • بالون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ماشىنا، تراكتور، ۋېلىسىپىت قاتارلىق قاتناش قورالىدىكى چاقنىڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى ھالقا شەكىللىك رېزىنكە بۇيۇم.

بالونلۇق

  • بالونلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بالونى بار، بالون سېلىنغان.

بالېت

  • بالېت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئۇسسۇل<[يەشمىسى:] ئىتالىيىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن بىر خىل ئۇسسۇللۇق دراما. ئۇنىڭدا ۋەقەلىك تەڭكەش قىلىنغان مۇزىكا ئاساسىدىكى بەدەن ۋە يۈز ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئايال ئۇسسۇلچىلار كۆپىنچە بۇ ئۇسسۇلنى پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ يۈرۈپ ئوينايدۇ.

بالېتچى

  • بالېتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئۇسسۇل<[يەشمىسى:] بالېت ئۇسسۇلىنى ئوينايدىغان ئارتىس ياكى ئارتىسكا.

بالېتلىق

  • بالېتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە بالېت بار، بالېت ئارىلاشقان؛ بالېت ئۇسلۇبىدىكى.

بالىجان

  • بالىجان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىچىك بالىلارنى ئەركىلىتىپ، يېقىن كۆرۈپ، ھۆرمەتلەپ چاقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان سۆز.

بالىچان

  • بالىچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بالىسى بار، بالىلىق.

بالىچانلىق

  • بالىچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بالا-چاقىلىرى كۆپ؛ بالىلىق:[مىسال:] ئىمىنئاخۇن ئاكام بالىچانلىق ئادەم، ھازىر تۇرمۇشتا قىينىلىۋاتىدۇ.

بالىچۇق

  • بالىچۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ كىچىكى:[مىسال:] بالىچۇق كاۋا.[يەشمىسى:] ② بۇغداي باشىقىنىڭ يېنىدىن چىققان قوشۇمچە، كىچىك باشاق:[مىسال:] بۇغداي ئوبدان باش ئالدى، بالىچۇقلىرى قوشۇلدى. سۇ ۋاقتىدا قويۇلغاچ، بۇغداي تولۇق دان تۇتتى.

بالىچىلاپ

  • بالىچىلاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بالا ئورنىدا، بالا ھېسابىدا:[مىسال:] بالىچىلاپ كىرمەك.

بالىچىلىق

  • بالىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بالا بولۇش ئىشى؛ بالىلاردا بولىدىغان قىلىق:[مىسال:] ئوغۇل بالىچىلىقتا نېمە ئىشلار بولمايدۇ، دەيسەن

بالىچىلىماق

  • بالىچىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بالا بولماق، بالا ئورنىدا خىزمەت قىلماق:[مىسال:] ئۇ ساۋۇتلارنىڭ ئۆيىگە بالىچىلاپ كىردى.

بالىخانا

  • بالىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يەرلىك ئۇسۇلدا سېلىنغان ئىمارەتلەرنىڭ ئىككىنچى قەۋىتى ۋە شۇ ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئۆي، ئۆگزىگە سېلىنغان كىچىك ئۆي:[مىسال:] چۆرە خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن بالىخانىغا چىقىپ كېتىپتۇ.

بالىخانىلىق

  • بالىخانىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بالىخانىسى بار، قەۋىتى بار:[مىسال:] ئۇنىڭ ئامۇت، نەشپۈت، ئانار، تەكلىك چوڭ بېغى، بالىخانىلىق ئۆيى، ئۆيىنى ساقلايدىغان بۆرە ئىتلىرىمۇ بار ئىكەن.

بالىدىن-بالىغا

  • بالىدىن-بالىغا[يەشمىسى:] ئەۋلادتىنئەۋلادقا، نەسىلدىن-نەسىلگە.

بالىسىرىماق

  • بالىسىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پەرزەنت كۆرۈش ئارزۇسى كۈچەيمەك.

بالىسىز

  • بالىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بالىسى يوق، بالا كۆرمىگەن، پەرزەنتسىز:[مىسال:] بالىسىزنىڭ مېلى ھارام، ئىمانسىزنىڭ جېنى ھارام (ماقال).

بالىسىزلىق

  • بالىسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بالىسى يوقلۇق:[مىسال:] بالىسىزلىق-ئادەم ئۈچۈن چوڭ دەرد.

بالىغ

  • بالىغ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] بالاغەتكە، ۋايىغا يەتكەن:[مىسال:] بالىغ بولماق.

بالىكا

  • بالىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاتا-ئانىلار ياكى چوڭلارنىڭ ئۆز بالىلىرى ياكى كىچىك بالىلارنى ئەركىلىتىپ، يېقىنچىلىق قىلىپ چاقىرىش شەكلى:[مىسال:] شۇ سۆز بىلەن ئانىسى، ئىشىككە ئوقتەك ئېتىلىپ، سۆزگە قان-ياش قېتىلىپ، بويىغا گىرە سېلىپ «ھارماڭ بالىكام» دەپتۇ.

بالىلاتماق

  • بالىلاتماق[يەشمىسى:] «بالىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بالىلارچە

  • بالىلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بالىلارغا ئوخشاش، گۆدەكلەردەك:[مىسال:] بالىلارچە ئوي. بالىلارچە سوئال.

بالىلىق

  • بالىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بالىسى، پەرزەنتى بار، بالا-چاقىلىق:[مىسال:] بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار (ماقال).[يەشمىسى:] ② بالىلارغا خاس:[مىسال:] بالىلىق بۇرچ. بالىلىق خىيال.[يەشمىسى:] ③ ۋايىغا، بالاغەتكە يەتمىگەن، ئۆسمۈرلۈك، گۆدەك:[مىسال:] بالىلىق دەۋر. بالىلىق چاغ.

بالىلىماق

  • بالىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بالا تۇغماق؛ بالا چىقارماق (قۇشلار ھەققىدە):[مىسال:] قۇشقاچ تام تۆشۈكىدە بالىلايدۇ، ئەمما ياۋا كەپتەر سۈيى يوق كارىزدا بالىلايدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆپەيمەك، ئاۋۇماق:[مىسال:] يىللاردىن بېرى بالىلاپ كەتكەن بىرنەچچە توقماق قەرزنى تۆلەش ئىمىننى تۈگمەن تېشىدەك باستى.

بالىمان

  • بالىمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ بىر خىل يەللىك مۇزىكا ئەسۋابى، ئۇ قۇرغاق يەردە ئۆسكەن قومۇشتىن ياسىلىدۇ، سەككىز تۆشۈكلۈك، ئاۋازى يۇمشاق چىقىدۇ، ئاساسەن كلاسسىك مۇزىكىلارنى ئورۇنلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى نەيگە ئوخشاپ كېتىدۇ.

بالىمانچى

  • بالىمانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بالىمان چالىدىغان كىشى:[مىسال:] بۇ قېتىمقى كۆرەكتە بالىمانچىلارمۇ خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيتتى.

بالىۋاقا

  • بالىۋاقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىر ئائىلىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممە بالىلار.[يەشمىسى:] ② ئائىلە ئەزالىرى:[مىسال:] ئۆيگە كىرسەك بالىۋاقىمىز تۆت كۆز بىلەن بىزنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشقانىكەن.

بالىۋاقىلىق

  • بالىۋاقىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بالىۋاقىسى، خوتۇن ۋە پەرزەنتلىرى بار، ئائىلىلىك:[مىسال:] بالىۋاقىلىق ئادەمدە ئائىلىنىڭ غېمى كۆپرەك بولىدۇ.

بالىياتقۇ

  • بالىياتقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بالا+ياتقۇ[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئاياللار ياكى سۈت ئەمگۈچى چىشى ھايۋانلارنىڭ تۆرەلمە يېتىلدۈرۈش ئەزاسى. شەكلى خالتىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ دوۋساق بىلەن تۈز ئۈچەينىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېغىزى جىنسىي يول بىلەن، ئاستىنىڭ ئىككى تەرىپى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. تۇخۇمدان ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن بالىياتقۇ ئىچىدە يېتىلىپ، تۆرەلمە بولۇپ شەكىللىنىدۇ.

بامەسلىھەت

  • بامەسلىھەت[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەسلىھەت بىلەن، مەسلىھەتلىشىپ، كېڭىشىپ، باش قوشۇپ، بىرلىككەكېلىپ:[مىسال:] بامەسلىھەت ئىش قىلماق. * ئۈچەيلەن بامەسلىھەت بۇ يەردە بىر كۈننى ئۆتكۈزۈپ، ئەتىسى يولغا چىقىپتۇ.

بامبۇك

  • بامبۇك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك. دائىم كۆكىرىپ تۇرىدۇ؛ غولى سىلىندىر شەكلىدە، ئوتتۇرىسى كاۋاك ۋە بوغۇملۇق كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقىدا پاراللېل كەتكەن تومۇرلىرى بولىدۇ. غولىنى قۇرۇلۇشلارغا، جابدۇق ياساشقا ئىشلىتىشكە، نوتىسىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

بامبۇكزار

  • بامبۇكزار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «بامبۇكلۇق»قا قاراڭ.

بامبۇكزارلىق

  • بامبۇكزارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بامبۇك كۆپ ئۆسكەن، بامبۇك بىلەن قاپلانغان جاي، شۇنداق ئورۇن؛ بامبۇكلۇق.

بامبۇكسىمان

  • بامبۇكسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بامبۇك شەكىللىك، بامبۇكقا ئوخشاش:[مىسال:] بامبۇكسىمان قۇرت.

بامبۇكلۇق

  • بامبۇكلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بامبۇك كۆپ ياكى زىچ ئۆسكەن جاي:[مىسال:] باشلىق ئۇنىڭدىن بامبۇكلۇق قانچە مو يەرنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى سورىدى.

بامدات

  • بامدات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① تاڭ سەھەردە، كۆن چىقىشتىن بۇرۇن ئوقۇلىدىغان بىرىنچى ناماز:[مىسال:] بامدات ئوقۇماق.[يەشمىسى:] ② تاڭ سەھەر پەيتى، بامدات نامىزى ئوقۇلىدىغان پەيت، قاق سەھەر:[مىسال:] سايىت:− ئەتە بامدات بىلەن يولغا چىقىپ كەتسەكمىكىن، − دېدى داۋۇتقا.

بانان

  • بانان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بانان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋىسى ئۇزۇن، سەل ئەگرى كېلىدۇ، خۇشبۇي پۇرايدۇ، تەمى تاتلىق؛ تروپىك بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغدىن چىقىدۇ.

بانانلىق

  • بانانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بانان ئۆستۈرۈلگەن، بانان بىلەن قاپلانغان جاي.

بانتىك

  • بانتىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كۆڭلەك ياقىسى ياكى ئاياللارنىڭ چېچىغا تاقايدىغان كېپىنەك شەكىلدىكى لېنتا ۋە شۇ خىلدا چىگىلگەن بوغقۇچ قاتارلىقلار.

بانتىكلاتماق

  • بانتىكلاتماق[يەشمىسى:] «بانتىكلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بانتىكلىماق

  • بانتىكلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاياللار چېچىنى ئېگىز ئۆرۈپ، بىر-بىرىنى ئالماشتۇرۇپ بېشىنىڭ كەينى تەرىپىگە تۈگۈۋالماق.

بانداژ

  • بانداژ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ئارتىسلار ياكى بەزى سەمرىپ كەتكەن ئاياللار بەدەن مۇسكۇللىرىنى نورمال ھالەتتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئادەتتىكىدىن چىڭراق تارتىپ باغلىۋالىدىغان بەلۋاغ؛ تارتقۇ.

باندۇرا

  • باندۇرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پولەك>يۇنان[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئوكرائىن خەلقىنىڭ بىر خىل ئۈچ تارلىق مۇزىكا ئەسۋابى. شەكلى قوۋۇزغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ ئاساسەن خەلق ئىچىگە تارقالغان چالغۇ ئەسۋابى بولۇپ، سوۋېت دەۋرىدە ئوركېستىرلارغىمۇ كىرگەن.

باندۇرىچى

  • باندۇرىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باندۇرا چالىدىغان ھەم بۇ جەھەتتە خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن كىشى.

باندىت

  • باندىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[يەشمىسى:] قوراللانغان ئوغرى، باسقۇنچى، كاللا كېسەر:[مىسال:] ئۇ ئالتايدا ئوسمان باندىتنى يوقىتىشقا قاتناشقان.

باندىتلىق

  • باندىتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باندىتلارغا خاس ئىش-ھەرىكەت.

بانكاⅠ

  • بانكاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] پۇل ئامانەت قويۇش، پۇل قەرز بېرىش، پۇل پېرېۋوت قىلىش قاتارلىق كەسىپلەر ئارقىلىق ئامانەت، قەرزنىڭ ۋاسىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئامانەت، قەرز ئاپپاراتى.

بانكاⅡ

  • بانكاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] شېشە ياكى مېتالدىن ياسالغان سىلىندىر شەكىللىك ئىدىش.

بانكىر

  • بانكىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] زور كاپىتالغا ئىگە بولغان بانكا ئىگىسى.

باھا

  • باھا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① نەرسىنىڭ، مالنىڭ پۇل بىلەن ئىپادىلەنگەن قىممىتى؛ نەرخى:[مىسال:] يۇقىرى باھا. بازار باھاسى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئادەم، نەرسە ياكى قىلىنغان ئىش-ھەرىكەتنىڭ ياخشى-يامانلىقى، سۈپىتى، دەرىجىسى، ئەھمىيىتى ۋە قەدىر-قىممىتى قاتارلىقلار ھەققىدە بېرىلگەن پىكىر ياكى چىقىرىلغان يەكۈن:[مىسال:] باھا بەرمەك. ياخشى باھاغا ئېرىشمەك.

باھار

  • باھار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① تۆت پەسىلنىڭ بىرىنچىسى، قىشتىن كېيىن يازدىن بۇرۇن كېلىدىغان پەسىل؛ كۆكلەم، ئەتىياز:[مىسال:] قىشتىن كېيىن باھار كېلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۈرلۈك نەرسىلەرنىڭ يەنى ھايات، ئۆمۈر، ياشلىق، ئىلىم-پەن ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ گۈللەپ-ياشنىغان، راۋاجلانغان چاغلىرى ۋە شۇنداق چاغلارنىڭ سىمۋولى:[مىسال:] ياشلىق باھار. ئىلىم-پەن باھارى. * «ئون ئىككى مۇقام» مۇزىكىلىرىنىڭمۇ يېڭى باھارى بولدى.[يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

باھاسىز

  • باھاسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① باھاسى بېكىتىلمىگەن، باھا قويۇلمىغان، باھاسى يوق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناھايىتى قىممەتلىك، تەڭداشسىز قىممەتكە ئىگە؛ تېپىلمايدىغان، ئەزىز:[مىسال:] باھاسىز ئۇلۇغ ئەمگەك.

باھالاتماق

  • باھالاتماق[يەشمىسى:] «باھالىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن بۇنى كۆپچىلىككە باھالىتىپ باقاي، قېنى ئۇلار نېمە دەيدۇ، دېدى ئۇ كېتىۋېتىپ.

باھالاش

  • باھالاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باھا بېرىش ئىشى:[مىسال:] باھالاش ئېلىپ بارماق.

باھالاشماق

  • باھالاشماق[يەشمىسى:] «باھالىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

باھالانماق

  • باھالانماق[يەشمىسى:] «باھالىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەخمەت ئۆتكەن يىلى مەيدان بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى.

باھالىق

  • باھالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باھاسى بار، باھاسى بېكىتىلگەن:[مىسال:] ئاينۇر بوينىغا ناھايىتى قىممەت باھالىق يۇڭ شارپىسىنى ئورىۋېلىپ، ئانىسىنىڭ يېنىدا ئۈندىمەستىن ئولتۇراتتى.

باھالىماق

  • باھالىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سېتىلىدىغان مالنىڭ باھاسىنى، نەرخىنى بەلگىلىمەك؛ بېكىتمەك:[مىسال:] كۆپچىلىك ئېنەكنى 400 يۈەن باھالىسىمۇ، كېرەم يەنىلا ساتماي تۇرۇۋالدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئادەم، نەرسە ياكى ئىش-ھەرىكەتنىڭ ياخشى-يامانلىقى، سۈپىتى، دەرىجىسى، ئەھمىيىتى قاتارلىقلار ھەققىدە پىكىر بەرمەك، يەكۈن چىقارماق؛ باھا بەرمەك:[مىسال:] كازىم ئەدەبىياتنى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر تەربىيىچىسى، كۈرەشچىسى سۈپىتىدە ناھايىتى يۇقىرى باھالايتتى.

باھانە

  • باھانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشتىن باش تارتىش مەقسىتىدە كۆرسىتىلگەن ئورۇنسىز سەۋەب، ئۆزرە:[مىسال:] ئادىل ھەر خىل باھانىلارنى كۆرسىتىپ، مەندىن ئۆزىنى ئەپقاچتى.[يەشمىسى:] ② باشلانغۇچ سەۋەب:[مىسال:] توي باھانىسىدا تون پۈتتى (ماقال).

باھانە-سەۋەب

  • باھانە-سەۋەب[يەشمىسى:] تۈرلۈك باھانە ۋە سەۋەبلەر:[مىسال:] ئۇلار كاتىپنىڭ ھەرخىل باھانە-سەۋەبلىرى بىلەن توي خېتى ئالالمىغانىدى.

باھانىدىماق

  • باھانىدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باھانە كۆرسەتمەك، [يەشمىسى:] باھانە قىلماق:[مىسال:] ئىشنىڭ كۆپلۈكىگە باھانىدىماق.

باۋئەن

  • باۋئەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن گەنسۇ ئۆلكىسى نىڭشا ناھىيىسىنىڭ داخېجياۋ دېگەن يېرىدە ئولتۇراقلاشقان.

بائىس

  • بائىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] سەۋەب، ۋەج:[مىسال:] ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ تەزىم قىلدى-دە:شاھىنشاھ. ساتىراشنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ بائىسى نېمىدۇر دەپ سورىدى.

باي

  • باي[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھېچ نەرسىگە موھتاجلىقى يوق؛ نۇرغۇن مال-دۇنياسى بار:[مىسال:] باي مەملىكەت. باي ئادەم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە، ئىختىيارىدا، باغرىدا، ئىچىدە كېرەكلىك ۋە پايدىلىق نەرسىلەر كۆپ؛ مول، يېتەرلىك:[مىسال:] يېرى باينىڭ ئېلى باي (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مال-دۇنيا يىغقۇچى؛ دۆلەتمەن كىشى:[مىسال:] باي بارنى بەرمەس، كەمبەغەل قاراپ تۇرماس (ماقال)[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بايلارغا مۇراجىئەت قىلىشتا ياكى ئۇلار توغرىسىدا سۆز بولغاندا، ئۇلارنىڭ نامى ئورنىدا ياكى نامىغا قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] دېدىم تۇرۇپ: باي ئاكا، ئوغرى دەمسىز مېنى سىز قوتاندىكى ئىزلارنى، قاراپ كۆرۈڭ قانداق ئىز.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۆرمەت يۈزىسىدىن كىشى نامىغا قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ ھەم كىشى ئىسمىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا كىرىدۇ:[مىسال:] ئەمەتباي. تاشباي.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى بىر ناھىيىنىڭ نامى. قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى ئاراتۆرۈك ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر يېزىنىڭ نامى.

بايا

  • بايا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتىن سەل بۇرۇن؛ ھېلىراق:[مىسال:] ھېكمەت بايا مۇدىردىن روزىمەتنىڭ ناھىيىلىك ساقچىغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدى.

بايات

  • بايات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] بايات مۇقامى. ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقامىنىڭ 9-مۇقامى.

باياتىن

  • باياتىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] «بايا»غا قاراڭ:[مىسال:] مەن باياتىن كونا خاماننى سورىماسلىقىڭىز كېرەك دېدىمغۇ؟

باياتىنقى

  • باياتىنقى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «بايىقى»غا قاراڭ:[مىسال:] سەن باياتىنقى ئىشتىن خەۋەر تاپتىڭمۇ، دېدى ئۇ ماڭا قاراپ.

باياشات

  • باياشات[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]باي+ۋە+شاد[[يەشمىسى:] باي ۋە شاد، پاراۋان، راھەت-پاراغەتلىك، خاتىرجەم:[مىسال:] باياشات ئائىلە.

باياشاتچىلىق

  • باياشاتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باياشات تۇرمۇش:[مىسال:] باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشىماق.

باياشاتلاشتۇرماق

  • باياشاتلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «باياشاتلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

باياشاتلاشماق

  • باياشاتلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باياشات ھالغا كەلمەك، باياشات بولماق:[مىسال:] قاسىم كەلگۈسىدىكى باياشاتلاشقان تۇرمۇشىغا لايىق كېلىدىغان ھەم ياش ھەم چىرايلىق ئۆي كىشىسى بولۇشى لازىملىقىنى زۆرۈر تاپتى.

باياشاتلىق

  • باياشاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] راھەت-پاراغەتلىك ھالەت، خاتىرجەملىك:[مىسال:] ئۇ شەھەرلەر ئۆزىنىڭ ئاۋاتلىقى، باياشاتلىقى بىلەن مەشھۇر ئىكەن.

بايانⅠ

  • بايانⅠ[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋەقە، ھادىسە، پىكىر ۋە مۇلاھىزىلەرنىڭ ئاغزاكى ياكى يازما ئىپادىسى؛ ئىزھار، چۈشەندۈرۈش:[مىسال:] ئاغزاكى بايان. پىكىر بايان قىلماق. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىي ئەسەرنىڭ سادىر بولۇۋاتقان ۋەقەلەر ھەمدە ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ھېكايە قىلىنىۋاتقان قىسمى:[مىسال:] بايان خاراكتېرلىك ماقالە.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خەۋەر تەرىقىسىدە ئىپادىلەنگەن، ئېيتىلغان:[مىسال:] بايان جۈملە.

بايانⅡ

  • بايانⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] رۇسلارنىڭ ئوڭ قول مېلودىيىلىك تاۋۇش قىسىملىرىنى ئاھاڭغا كەلتۈرۈپ، سول تەرەپتىكى كلاۋىئاتورىنى تەڭكەش قىلىپ تۇرۇپ چالىدىغان چوڭ تىپتىكى يېرىم ئاۋازلىق گارمونى:[مىسال:] بايان چالماق.

بايانات

  • بايانات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بايان قىلىۋاتقان بىرەر ئىش، ۋەقە ۋە ھادىسە قاتارلىقلارنىڭ تەپسىلاتى، بايانى؛ باياننامە:[مىسال:] ئۇ خىزمەتتىكى ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلەر ئۈستىدىن خېلى ئوبدان بايانات بېرىپ ئۆتتى.[يەشمىسى:] ② دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر، مۇزاكىرىلەر، خەلقئارا ئەھۋال ۋە شۇ قاتارلىقلار ھەققىدە مەنپەئەتدار تەرەپلەر ھەم ئومۇمىي ئاخبارات ئۈچۈن ئاغزاكى ياكى يازما شەكىلدە ئېلان قىلىدىغان ئۇقتۇرۇش ۋە ياكى شۇ ھەقتىكى ھۆججەت:[مىسال:] بايانات ئېلان قىلماق.

باياناتچى

  • باياناتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئورگان، تەشكىلات ياكى مەخسۇس ئاپپاراتلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىنى ئېلان قىلىشقا بەلگىلەنگەن مەخسۇس خادىم:[مىسال:] ئاخبارات باياناتچىسى. تاشقى ئىشلار باياناتچىسى. گوۋۇيۈەن باياناتچىسى.

بايانچى

  • بايانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بايان چالىدىغان ئادەم.

باياننامە

  • باياننامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر مەسىلە ئۈستىدە يېزىلغان يازما بايانات.

باياۋان

  • باياۋان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مەھەللە-يۇرتتىن يىراق بولغان ۋە ئادەم ياشىمايدىغان سۇسىز چۆل؛ سەھرا، دەشت:[مىسال:] پادىشاھ بىلەن خوتۇنى ئىككىسى ئارانلا جېنىنى ئېلىپ باياۋان تەرەپكە قېچىپتۇ.

بايتاسۇن

  • بايتاسۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاغنىڭ ئېگىز يەرلىرىدە ئۆسىدىغان ئارچىسىمان ئۆسۈملۈك.

بايتال

  • بايتال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاتنىڭ چىشىسى.

بايچېچەك

  • بايچېچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]باي+چېچەك[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] دەسلەپكى باھاردا ئېچىلىدىغان پېيازگۈل، «شىرىش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

بايراق

  • بايراق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دۆلەت، تەشكىلات، ھەربىي قىسىم ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن ياكى بىرەر ئىشارىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە گۈلسىز، رەڭلىك رەختتىن ياكى قەغەزدىن تۆت چاسا ۋە ياكى ئۈچ بۇرجەك شەكىلدە ياسالغان بۇيۇم؛ ئەلەم:[مىسال:] قىزىل بايراق. دۆلەت بايرىقى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سىياسىي ياكى ئىجتىمائىي تەشكىلات، گۇرۇپپا ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ بىرلىكى ھەم مەقسەتلىرىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان يېتەكچى غايە:[مىسال:] ماركسىزم-لېنىنىزم بايرىقى. كوممۇنىزم بايرىقى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆز قاراش، ئىدىيە، نۇقتىئىنەزەر:[مىسال:] بۇرژۇئاچە ئەركىنلەشتۈرۈشكە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرىمىز.

بايراقچە

  • بايراقچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىچىك بايراق. [يەشمىسى:] ② خەرىتە ياكى دىئاگراممىلارغا، بايراققا ئوخشىتىپ سىزىلغان ياكى قادالغان كىچىك بەلگە:[مىسال:] تامغا ئېسىلغان ئۆلكە خەرىتىسىگە قىزىل ۋە قارا بايراقچىلار قاداپ قويۇلغانىدى.

بايراقچى

  • بايراقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① سەپنىڭ ئالدىدا بايراق كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان كىشى. [يەشمىسى:] ② يەر ئۆلچەش، قاتناش ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا بايراقچە بىلەن ئىشارەت قىلىپ يېتەكچىلىك قىلغۇچى.

بايراقدار

  • بايراقدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىجتىمائىي-سىياسىي ھەرىكەت، ئىلغار پىكىر، يېڭىلىق ۋە تەرەققىيپەرۋەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا يېتەكچى ياكى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان، نەمۇنە، ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كىشى؛ باشلامچى:[مىسال:] لۇشۈن يېڭى مەدەنىيەت قوشۇنىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ باتۇر بايراقدارى.

بايراقلىق

  • بايراقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بايرىقى بار، بايراققا ئىگە:[مىسال:] شۇ چاغدا توساتتىن دۇمباق گۈپۈلدەپ، يىراقتىن بايراقلىق بىر توپ كۆرۈندى.[يەشمىسى:] ② بايراق تەييارلاشقا لايىق، باب؛ بايراققا يېتىدىغان:[مىسال:] بايراقلىق رەخت ئالماق.

بايرام

  • بايرام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مۇھىم تارىخىي ۋەقە، ھادىسە قاتارلىقلارنى تەنتەنىلىك خاتىرىلەش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ياكى ئادەت بولۇپ قالغان خاتىرە كۈن:[مىسال:] دۆلەت بايرىمى. «1-ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى. نورۇز بايرىمى.[يەشمىسى:] ② مۇھىم، خۇشاللىنارلىق ھادىسە يۈز بەرگەن، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلگەن ۋە شۇ سەۋەبتىن شادلىق بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈن:[مىسال:] ئائىلىۋى بايرام. * ئاتنىڭ ئۆلۈمى ئىتقا بايرام (ماقال).

بايراملىق

  • بايراملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بايرامدا ئىشلىتىدىغان ياكى كېرەك قىلىدىغان:[مىسال:] بايراملىق ماللار. * شۇ كۈنى ئەركىن بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا تۇراتتى.

بايزادە

  • بايزادە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باينىڭ ئوغلى، باينىڭ بالىسى.

بايقاشماق

  • بايقاشماق[يەشمىسى:] «بايقىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەتىسى كىشىلەر پىدانىڭ ئۇشتۇمتۇت مەھەللىدىن يوقالغانلىقىنى بايقاشتى.

بايقالماق

  • بايقالماق[يەشمىسى:] «بايقىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] گۈزەلئاي پىسىڭڭىدە كۈلۈۋىدى ئۇنىڭ بىر تال ئالتۇن چىىشى بار ئىكەنلىكى بايقالدى.

بايقۇت

  • بايقۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] رەت قىلىش، قوبۇل قىلماسلىق يولى بىلەن بىرەر كىشىگە، نەرسە، تەشكىلات ۋە شۇ قاتارلىقلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاممىۋى، سىياسىي ياكى ئىقتىسادىي كۈرەش:[مىسال:] بايقۇت قىلماق.

بايقۇش

  • بايقۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھۇۋقۇش. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بەختسىز؛ شۇم پېشانە:[مىسال:] ۋاي، بايقۇش نۇرغۇن جاپالارنى تارتتىڭ.

بايقىماق

  • بايقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۆرمەك، كۆزەتمەك:[مىسال:] سىز ماۋۇ تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن بايقاپ كېلەي.[يەشمىسى:] ② ھېس قىلماق؛ ئاڭقارماق؛ سەزمەك؛ بىلمەك:[مىسال:] شۇ چاغ جەڭچىلەر دۈشمەنلەرنىڭ قاراۋۇلخانىغا قاراپ چېكىنگەنلىكىنى بايقىدى.[يەشمىسى:] ③ ئېھتىيات قىلماق، پەخەس بولماق، دىققەت قىلماق؛ ئويلىماق:[مىسال:] بايقاپ سۆزلىمەك. بايقاپ ماڭماق.

بايلىق

  • بايلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① باي بولۇش، باي ھالەت. [يەشمىسى:] ② قىممىتى بار ماددىي نەرسىلەر؛ پۇل پۇچەك، مال-مۈلۈك قاتارلىقلار:[مىسال:] يەر ئاستى بايلىقى.كان بايلىقلىرى.[يەشمىسى:] ③ تەركىبىدىكى ياكى ئىختىيارىدىكى بار نەرسىلەرنىڭ ئومۇمىسى:[مىسال:] تىل بايلىقى. سۆز بايلىقى. * ئەقىلدىن ئارتۇق بايلىق يوق (ماقال).

بايناق

  • بايناق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تېبابەتچىلىكتە يىلتىزسىمان غولى دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تالنى كۈچەيتىش، نەملىكنى قايتۇرۇش قاتارلىق رولى بار، شىنجاڭنىڭ ئىلى رايونىدا ئۆسىدۇ.

بايۋەچچە

  • بايۋەچچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]باي+بەچچە[[يەشمىسى:] ① باينىڭ بالىسى، بايزادە:[مىسال:] ئۇنىڭ بايۋەچچە ئوغلى 20 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، بەش تەڭگە پۇلنى ئۆز قولى بىلەن تۇتۇپ خەجلىگەن ئەمەس ئىكەن.[يەشمىسى:] ② بايلارنىڭ بالىلىرىغا مۇراجىئەت قىلىشتا، ئۇلارنىڭ نامى ئورنىدا ياكى نامىغا قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] ئات باقار خىجالەت بولۇپ: رەھمەت بايۋەچچە، دەپ ئارقىغا بۇرۇلۇپتۇ.[يەشمىسى:] ③ ئۆزىنى باي بالىسىدەك چاغلايدىغان ئابرۇيپەرەس، سۆلەتۋاز كىشى:[مىسال:] قاسىم: ئالدى بىلەن ئۇستىۋاشلىرىمنى راۋۇرۇس يېڭىلاپ، كېلىشكەن بايۋەچچە بولۇشۇم كېرەك، دېدى دە، توپتوغرا ماگىزىنغا يۈگۈردى.

بايۋەچچىلىك

  • بايۋەچچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بايۋەچچىلەرگە خاس خۇسۇسىيەت، ھەرىكەت ۋە قىلىق:[مىسال:] بايۋەچچىلىك قىلماق.

بايىقى

  • بايىقى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بايا، ھېلى سادىر بولغان؛ بايا يۈز بەرگەن، كۆرۈلگەن، ئىشتىلگەن؛ ھېلىقى:[مىسال:] ئاتام ئېيتقان بايىقى (ماقال).

بەئەينى

  • بەئەينى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پەرق ئەتكىلى، ئاجراتقىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئوخشاش؛ خۇددى، ئەينەن، ئۆزى:[مىسال:] باتۇرنىڭ چىراي-شەكلى بەئەينى دادىسىغا ئوخشايتتى.

بەپ-بەپ

  • بەپ-بەپ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز. [يەشمىسى:] گاس، گاچىلارنىڭ سۆز تەلەپپۇزى.

بەپبەپلەشمەك

  • بەپبەپلەشمەك[يەشمىسى:] «بەپبەپلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ بىلەن نەدە بەپبەپلىشىپ يۈرىمەن، دەپ ئويلىدى گۈلبوستان.

بەپبەپلىمەك

  • بەپبەپلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بەپ-بەپ قىلىپ مەقسىتىنى ئۇقتۇرالماي قالماق؛ گاس-گاچىلاردەك دۇدۇقلىماق.

بەت

  • بەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەم بېشىنىڭ ئالدى تەرىپى؛ يۈزى.[يەشمىسى:] ② كىتاب، گېزىت-ژۇرنال ۋاراقلىرىنىڭ ھەر بىر يۈزى، سەھىپىسى:[مىسال:] نىم شېھىت گېزىتنىڭ ئاخىرقى بېتىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقاندا پەردە ئېچىلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستى، ئوڭ تەرىپى، سىرتى، يۈزى:[مىسال:]

  • تۇرۇپ قاپتۇ ئىككىسى،

  • بىر پەس سۇغا قارىشىپ.

  • جىلۋە قىلىپتۇ شولىسى،

  • سۇ بېتىگە يارىشىپ.

بەتئەخلاق

  • بەتئەخلاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئەخلاقى ناچار؛ ئەخلاقسىز، قىلىقسىز:[مىسال:] بەتئەخلاق ئادەم.

بەتەھقىق

  • بەتەھقىق[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ھەقىقەتەن، ئەمەلىيەتتە، جەزمەن، چوقۇم:[مىسال:] كىمىكى ھۆكمىگە كۆندۈرسە گەر قۇدرەت ۋە دەرماننى، ئاشۇ ئۈزگەي بەتەھقىق روھىي مەھكۇملۇق ئاسارەتنى.

بەتبەخت

  • بەتبەخت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] بەختسىز، تەلىيى كاج؛ بۇزۇق، پەس، ئەبلەخ:[مىسال:] بوۋاي دەرغەزەپ بولۇپ:[مىسال:] ئەي لەنىتى بەتبەخت شاھزادىگە قىلمىغان زىيانكەشلىكىڭ قالمىدى، دېدى.

بەتبەختلىك

  • بەتبەختلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەختسىزلىك؛ پەسلىك، بۇزۇقلۇق:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ بەتبەختلىكىدىن مۇشۇ كۈنلەرگە قالدى. بولمىسا، ئۇنىڭغا ھېچكىم زىيان سالغىنى يوق.

بەتبەشىرە

  • بەتبەشىرە[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەلپازى، ئەپتى، چىرايى بۇزۇق؛ كۆرۈمسىز؛ سەت:[مىسال:] ئۇ پاكار ۋە بەتبەشىرە بىر دوك كىشى ئىكەن.∥ ئۆينىڭ ئىچىدىن پېشانىسىدا پەقەتلا بىر كۆزى بولغان ئالامەت قورقۇنچلۇق بىر بەتبەشىرە چىقىپتۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يامان قىياپەت، ماھىيەت:[مىسال:] ئۇنداقلارنىڭ بەتبەشىرىسىنى مەن بىر قاراپلا بىلىۋالىمەن، دېدى بوۋاي ئورنىدىن تۇرۇپ.

بەتبەشىرىلىك

  • بەتبەشىرىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەتبەشىرە ھالەت:[مىسال:] ئۇنىڭ بەتبەشىرىلىكىنى دېمەمسىز

بەتبۇي

  • بەتبۇي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پۇرىقى، ھىدى يېقىمسىز؛ سېسىق پۇرايدىغان:[مىسال:] بەتبۇي نەرسە.

  • * ئىرغىتىپ تاشلاپ يىراق لاي-لاتقا بەتبۇي لۆجىنى،

  • 90كۈلسە كاككۇك دىلئارامىدىن مادام يايراپ جېنى.

بەتبۇيلۇق

  • بەتبۇيلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەتبۇي ھالەت:[مىسال:] ئۆستەڭ بويىدىكى تاپنىڭ بەتبۇيلۇقىدىن ئۇنىڭ يېنىغا ھېچكىم يولىمىدى.

بەتتە

  • بەتتە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>يېمەك-ئىچمەك<[يەشمىسى:] ئۈستىگە قورۇلغان سەي سېلىپ يېيىلىدىغان پولۇ.

بەتتەر

  • بەتتەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يامان، ئەسكى، ناچار (سەلبىي مەنىدە قوللىنىلىدۇ):[مىسال:] مەسلىھەتنى ئاڭلاشنى خالىمىغان كىشى گاستىنمۇ بەتتەر گاس بولۇۋالىدۇ.

بەتتەرلەشتۈرمەك

  • بەتتەرلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «بەتتەرلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بەتتەرلەشمەك

  • بەتتەرلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەسلىدىكىدىن تېخىمۇ يامانلاشماق، ناچارلاشماق، ئەسكىلەشمەك:[مىسال:] بۇ بالىنىڭ ئېغىزى بەتتەرلىشىپ كېتىپتۇ.

بەتتەم

  • بەتتەم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەمى يوق، تەمسىز؛ لاۋزا:[مىسال:] بەتتەم قوغۇننىڭ ئۇرۇقى تولا دەپ، بىز كەمبەغەللەرنىڭ بالىمىز تولا بولىدۇ.

بەتتەملىك

  • بەتتەملىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەمسىزلىك، لاۋزىلىق، تەمى يوقلۇق.

بەتخەج

  • بەتخەج[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئورۇنسىز پۇل خەجلەيدىغان، ئىسراپخور:[مىسال:] كىچىك بالىغا كۈندە پۇل بېرىپ ئۆگىتىپ قويسا، چوڭ بولغاندا بەتخەج ئادەم بولۇپ قالىدۇ.

بەتخەجلىك

  • بەتخەجلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسراپخورلۇق؛ پۇلنى ئورۇنسىز كۆپ خەجلەش ئادىتى:[مىسال:] سادىرنىڭ يانچۇقتا بارنىڭ ھەممىسىنى بەتخەجلىك بىلەن خەجلەپ، ئۆزىچە كۆرەڭلەپ باققان ۋاقىتلىرىمۇ بولغان.

بەتخۇي

  • بەتخۇي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] خۇيى، قىلىقى يامان؛ مىجەزى ئەسكى:[مىسال:] بەتخۇي بالا. * بەتخۇينىڭ بېتى قارا (ماقال).

بەتخۇيلۇق

  • بەتخۇيلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يامان قىلىقلىق، ئەسكىلىك:[مىسال:] چورۇق ھېكىم مۇنداق بەتخۇيلۇقلاردىن خالىي بولۇپ، ئۇنىڭ ھەربىر ۋاقتى ئەل بەختىنى كۆزلەشتەك ياخشى ئەمەللەر بىلەن بەند ئىدى.

بەترەڭ

  • بەترەڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] رەڭگى سەت، كۆرۈمسىز، خۇنۈك.

بەتسىز

  • بەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بېتى يوق، بەت ياسالمىغان.

بەتقىلىق

  • بەتقىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «قىلىقسىز»غا قاراڭ:[مىسال:] بەتقىلىق ئوغۇل. * ئالماس نەدىكى بەتقىلىق بالىلار بىلەن ئوينايتتى.

بەتقىلىقلىق

  • بەتقىلىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قىلىقسىزلىق:[مىسال:] بەتقىلىقلىق قىلماق.[يەشمىسى:] ② غەيرىي ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت:[مىسال:] ئىككى لۈكچەك ئايشەملەرنىڭ كەينىگە كىرىۋالغان ھەم قىزغا بەتقىلىقلىق قىلىشقا ئۇرۇنغاندا جازاسىنى تاپتى.

بەتكەردە

  • بەتكەردە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كارغا كەلمەيدىغان، ئىشتىن چىققان، كېرەكسىز:[مىسال:] دېھقان خىجالەت ئىچىدە: تەقدىرنى تەكبىر بۇزدى، دېگەندەك، مېنىڭ پىلانىمنى بالام بەتكەردە قىلىۋەتتى.[يەشمىسى:] ② يامان ئىشلارنى قىلىشتىن يانمايدىغان، قەبىھ، ئىپلاس:[مىسال:] يوقال بۇ يەردىن بەتكەردە دەپ قوغلىدى ئاخۇنۇم.

بەتگۇپا

  • بەتگۇپا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ۋاپا قىلمايدىغان، بىۋاپا، ۋاپاسىز.

بەتگۇمان

  • بەتگۇمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھەركىمدىن، ھەربىر ئىشتىن گۇمان قىلىدىغان، ھەركىمگە، ھەر نەرسىگە شۈبھە بىلەن قارايدىغان؛ گۇمانخور:[مىسال:]

  • گەر مېنى «ئوغرى» دېسە پۈتكۈل جاھان،

  • پاكلىقىمدىن قىلچە قىلمايمەن گۇمان.

  • بەتگۇمانلار تۇتسا مېنى «ئوغرى» دەپ،

  • بۇندىن ئارتۇق دەردمۇ بولمايدۇ ماڭا.

بەتگۇمانلىق

  • بەتگۇمانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۇمانخورلۇق:[مىسال:] بەتگۇمانلىق قىلماق.

بەتلەتمەك

  • بەتلەتمەك[يەشمىسى:] «بەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بەتلەشمەك

  • بەتلەشمەك[يەشمىسى:] «بەتلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مەنسۇر شاڭيونىڭ يول باشلىشى بىلەن چېرىكلەر مىلتىقلىرىنى بەتلىشىپ، قەدەملىرىنى ئېھتىيات بىلەن باسماقتا ئىدى.

بەتلەكلىك

  • بەتلەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بەتلەپ قويغان، ئوق بېسىلىپ ئېتىشقا تەييارلانغان؛ بەتلەنگەن، ئوقلانغان:[مىسال:] پارتىزان باشلىقى ئوق بەتلەكلىك مىلتىقنى دىلبەرنىڭ قولىغا بەردى.[يەشمىسى:] ② قارىغا ئېلىنغان، قارىتىلغان، توغرىلانغان:[مىسال:] ساڭا بەتلەكلىك تۇرغان يۈز مىڭلىغان قىساس ئىستوۋۇللىرىنى ئەڭ ئالدىن سېزىدىغانسەن

بەتلەنمەك

  • بەتلەنمەك[يەشمىسى:] «بەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] جۈمە تۇرۇپكىنى تۇتقان ھالدا كەينىگە بۇرۇلۇپ، سادىقنىڭ قولىدىكى تاپانچىنىڭ ئۆزىگە بەتلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى.

بەتلىك

  • بەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بېتى بار:[مىسال:] 100 بەتلىك ئورىگىنال. 500 بەتلىك كىتاب.

بەتلىگۈچ

  • بەتلىگۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇرۇش قوراللىرىنىڭ كەينى قىسمىدىكى ئوقنى ئېتىلىدىغان ئورۇنغا ئىتتىرىپ، تەپكە بېسىلغان ھامان ئېتىلىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ھەرىكەتچان بۆلەك:[مىسال:] ئۇ بەتلەكلىك تاپانچىلارنىڭ پارقىرىغان بەتلىگۈچلىرىگە كۆز يۈگۈرتۈپ، خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقىنى چۈشەندى.

بەتلىمەك

  • بەتلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قورالغا ئوق سېلىپ ئېتىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەك؛ ئوقلىماق:[مىسال:] تاپانچىنى بەتلىمەك.[يەشمىسى:] ② قارىغا ئالماق، تەڭلىمەك، ئۇدۇللىماق، چەنلىمەك:[مىسال:] سادىق بوۋاي مېنىڭ خاتىرە دەپتىرىمنى يىغىشتۇرماي، قەلىمىمنى بەتلەپ تۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ:[مىسال:] يولداش مۇخبىر، ساڭا يەنە نېمىلەر كېرەك ئىدى دەپ سورىدى.

بەتمۇبەت

  • بەتمۇبەت[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىر بەت بىر بەتتىن، بىرەر بەتنىمۇ قالدۇرماي:[مىسال:] بەتمۇبەت كۆرمەك.

بەتمۇقام

  • بەتمۇقام[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قائىدە-يوسۇن بىلمەيدىغان، تەرتىپسىز، ئەدەپسىز، قوپال:[مىسال:] بۇ خوتۇن بالىلارنى بەك بەتمۇقام چوڭ قىلىپ قويدى.

بەتنام

  • بەتنام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يامان نام، يامان ئات، تۆھمەت:[مىسال:] بەتنام چاپلىماق. * تۇرسۇننىڭ دادىسى تۈگىمەس يوقىلاڭ بەتناملار بىلەن روھىي ۋە جىسمانىي ئازابتىن ئۆلۈپ كەتتى.

بەتنىيەت

  • بەتنىيەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يامانلىقنى ئويلايدىغان، نىيىتى بۇزۇق، نىيىتى يامان:[مىسال:] بەتنىيەتنىڭ يولى تار (ماقال). * دېھقاننىڭ كىچىك ئوغلىنىڭ خۇي-پەيلى ئەسكى، ئۆزى مەككار، ئالدامچى، بەتنىيەت ئىكەن.

بەتنىيەتلىك

  • بەتنىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نىيىتى بۇزۇقلۇق، نىيىتى يامانلىق:[مىسال:] بەتنىيەتلىك قىلماق.

بەتھەيۋەت

  • بەتھەيۋەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھەيۋىتى يامان، كۆرۈنۈشى سەت، كىشىنىڭ قورققۇسى كېلىدىغان؛ ۋەھىمىلىك، قورقۇنچلۇق:[مىسال:] بەتھەيۋەت دىۋە.

بەتىس

  • بەتىس[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] پاختا يىپتا توقۇلغان نېپىز ئاق رەخت.

بەتىنكە

  • بەتىنكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كۆن ياكى خۇرۇمدىن تىكىلگەن قىسقا قونچلۇق بىر خىل ئاياغ كىيىمى.

بەجا

  • بەجا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] كۆپىنچە «كەلتۈرمەك، ئەيلىمەك» قاتارلىق پېئىللار بىلەن كېلىپ «جايىدا ئورۇنلىماق، ئىجرا قىلماق، ئەمەلگە ئاشۇرماق، ئادا قىلماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مەشۇر بۇ ۋەزىپىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى كېچىكتۈرمەي ۋاقتىدا بەجا كەلتۈردى.

بەجانىدىل

  • بەجانىدىل[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] جان-دىل بىلەن، خۇشاللىق بىلەن، جان دەپ:[مىسال:] مەن بۇ ۋەزىپىنى بەجانىدىل قوبۇل قىلىمەن، دېدى قۇربان قىلىچ قىزغىنلىق بىلەن.

بەجانىدىللىق

  • بەجانىدىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جان كۆيدۈرۈش، ئەستايىدىللىق.

بەجايىكى

  • بەجايىكى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] گويا، ئوخشاش، خۇددى:[مىسال:] ئەل بىلەن ئۆلۈم-بەجايىكى توي (ماقال).

بەچچە

  • بەچچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① گۆدەك ئوغۇل؛ خىزمەتكار بالا:[مىسال:] ئۇنىڭ يېنىدا شاھزادە سۈپەت ئىككى بەچچە، بىر مەلىكە ئولتۇرۇپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئەرلىك جىنسىي خۇسۇسىيىتىنى يوقاتقان، ئاياللاردەك مىجەز-خۇلققا ئىگە بولۇپ قالغان ئوغۇل بالا:[مىسال:]

  • ھەي سىيىت نوچى-سىيىت گاڭگۇڭ،

  • ئالدىدىكى ئاتلىق ما بايۋەچچىدۇر،

  • خۇنسىلىقتا ئۆتۈپ كەتكەن بىر بەچچىدۇر،

  • ئاتارمەن-چاپارمەنلىرى قىرىق نەچچىدۇر.

بەچچىخەر

  • بەچچىخەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] نەپرەت، غەزەپ بىلەن قاتتىق كايىشنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] ئاچ بەچچىخەردىن قاچ بەچچىخەر (ماقال).

بەچچىۋاز

  • بەچچىۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] گۆدەك ئوغۇللارغا بەتقىلىقلىق قىلىدىغان ۋە شۇنىڭغا ئادەتلەنگەن كىشى:[مىسال:] بەچچىۋاز ئادەم.

بەچچىۋازلىق

  • بەچچىۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۆدەك ئوغۇللارغا بەتقىلىقلىق قىلىش ئادىتى.

بەچىدان

  • بەچىدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چىشى ھايۋانلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ بالا ئۆسۈپ چوڭىيىدىغان ئىچكى قىسمى.

بەخت

  • بەخت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كىشىنىڭ ئۆز تۇرمۇشىدىن رازى بولغانلىق، ئارمانسىزلىق، خۇرسەنلىك ھالىتى:[مىسال:] دوستىنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب چېكىشمۇ بىر بەخت.[يەشمىسى:] ② ئامەت، تەلەي، ئىقبال:[مىسال:] ۋاقتىڭ كەتتى-بەختىڭ كەتتى (ماقال).

بەختكە قارشى

  • بەختكە قارشى[يەشمىسى:] كۈتكەن، ئۈمىد قىلغاننىڭ ئەكسىچە، تەلىيى تەتۈر كېلىپ:[مىسال:] مەھمۇتنىڭ دادىسى بۇ يىل 3-ئايدا بەختكە قارشى ۋاپات بولدى.

بەختكە يارىشا

  • بەختكە يارىشا[يەشمىسى:] كۈتكەن، ئۈمىد قىلغاندەك، تەلىيى ئوڭ كېلىپ:[مىسال:] بەختكە يارىشا ئۇنىڭ ئىشىدىن ھېچكىممۇ قۇسۇر تاپالمىدى.

بەختى قارا

  • بەختى قارا[يەشمىسى:] تۇرمۇشتا راۋاج تاپمىغان؛ بەختسىز، ئامەت، تەلىيى قاچقان؛ تەلەيسىز:[مىسال:] ئاغىچا ئېيتۇر: «

  • قىسمەت نېچۈك يېزىلدى،

  • نە سەۋەبتىن قىلغان ۋەدە بۇزۇلدى،

  • قانداق قىلىپ قولۇڭ ياردىن ئۈزۈلدى،

  • بەختى قارا سەرگەرداننى نە ئەيلەدىڭ»

بەخت-پېشانە

  • بەخت-پېشانە[يەشمىسى:] پېشانىگە پۈتۈلگەن ئامەت، تەلەي، رىزىق:[مىسال:] بۇ ئىشنى بەخت-پېشانەڭدىن كۆر.

بەخت-تەلەي

  • بەخت-تەلەي[يەشمىسى:] بەخت ۋە تەلەي:[مىسال:] دانىشمىنىم، بۇ سىرنى ئۆزلىرى ئېچىپ بېرىدىغان بولدىلا، بەخت-تەلىيىمىز بار ئىكەن.

بەخت-تەلەيلىك

  • بەخت-تەلەيلىك[يەشمىسى:] بەخت-تەلىيى بار، بەختلىك ھەم تەلەيلىك.

بەخت-سائادەت

  • بەخت-سائادەت[يەشمىسى:] بەخت ۋە سائادەت:[مىسال:]

  • ئاياغ ئاستى بولغان ئەمگىكىم،

  • تاپتى بۈگۈن ھۆرمەت ۋە ئىززەت.

  • ناخشا بولۇپ تاشتى شادلىقىم،

  • قۇچتى مېنى بەخت-سائادەت.

بەخت-سائادەتلىك

  • بەخت-سائادەتلىك[يەشمىسى:] بەخت-سائادەت تاپقان، بەخت-سائادىتى بار، بەختلىك.

بەختسىز

  • بەختسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بەختى يوق، بەخت تاپمىغان، بەخت-سائادەتتىن يىراق، بەختى قارا، تەلەيسىز:[مىسال:] بەختسىز ئادەم. ∥ دىۋە بېلىقچىنى كۆرۈپ: ئەي بەختسىز، مەن سېنى ھازىر ئازابلاپ ئۆلتۈرىمەن دەپتۇ.[يەشمىسى:] ② كۆڭۈلسىز ھادىسىگە، بەختسىزلىككە يولۇققان؛ بىچارە:[مىسال:] بەختسىز بالا.

بەختسىزلىك

  • بەختسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بەختتىن مەھرۇملۇق، تەلەيسىزلىك:[مىسال:] ئۇنىڭ بەختسىزلىكىگە مەن سەۋەبچى بولدۇم.[يەشمىسى:] ② بالا-قازا، پېشكەللىك، كۆڭۈلسىزلىك، كېلىشمەسلىك:[مىسال:] ئامىنە: بەختسىزلىككە يولۇقۇشتىن قورقىمەن، دېدى يىغلامسىراپ.

بەختلىك

  • بەختلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بەختى بار، بەختىيار؛ بەختكە ئېرىشكەن:[مىسال:] سىز بىلەن تونۇشقانلىقىم بەختلىك ئىش بولدى، دېگەن ھېسسىياتقا كەلتۈردى.[يەشمىسى:] ② ئامەتلىك، تەلەيلىك:[مىسال:] سەن مېنى ئۆستۈرۈپ قاتارغا قوشتۇڭ، بەختلىك ئوغلۇڭنىڭ بەختلىك ئانىسى سەن.

بەختىيار

  • بەختىيار[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] بەختكە تولغان، ئامەت، تەلىيى كەلگەن، پاراۋان، تەلەيلىك:[مىسال:] بەختىيار بالىلار.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

بەختىيارلىق

  • بەختىيارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەختكە تولغان ھالەت، خۇشاللىق:[مىسال:] ئۇلار چەكسىز ھاياجان، بەختىيارلىق ئىچىدە قۇچاقلاشتى.

بەخش

  • بەخش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] كۆپىنچە «ئەتمەك» پېئىلى بىلەن كېلىپ «ئاتا قىلماق، ئاتىماق، بېغىشلىماق، بەرمەك» دېگەندەك مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ ماڭا يېڭى ھايات بەخش ئەتتى.

بەخشەندە

  • بەخشەندە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مىراس قالغان، ئاتا قىلىنغان، بەخش ئېتىلگەن:[مىسال:] بۇ ئۆيلەر ماڭا ئۆمۈرۋايەت بەخشەندە ئەمەس.

بەخشەندىلىك

  • بەخشەندىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەخشەندە بولۇپ قالىدىغان نەرسە.

بەخىرامان

  • بەخىرامان[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] غەم-ئەندىشىسىز، خاتىرجەم، بىمالال، بىخۇدۈك:[مىسال:] بۇ چاغدا قولى باغلانغان شانىياز بەخىرامان ئولتۇرغان ئەسكەرنىڭ بېشىغا كەينىچە بىر كاللا قويۇپ، ئوڭدىسىغا چۈشۈردى.

بەخىرامانلىق

  • بەخىرامانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غەم-ئەندىشىسىزلىك، خاتىرجەملىك:[مىسال:] كۆرۈڭ سىزنىڭ چاقچىقىڭىزنى، دېدى مۇنىرىدىن، بەخىرامانلىق شاھلىقتىن ئارتۇق-تە ھازىر ئىش باشقىچە.

بەداز

  • بەداز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن كېيىن:[مىسال:] ئاۋۋال تائام، بەداز كالام (ماقال).

بەدەر

  • بەدەر[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دەرھال، تېز:[مىسال:] بەدەر قاچماق. بەدەر تىكىۋەتمەك.

بەدەل

  • بەدەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ ئورنىغا بېرىلگەن ھەق، بىرەر نەرسىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان باشقا بىر نەرسە:[مىسال:] بۇ ئىشقا ئاز بەدەل تۆلىمىدۇق.[يەشمىسى:] ② بىرەر تەشكىلات ياكى پارتىيە-گۇرۇھ ئەزالىرى قەرەللىك تۆلەپ تۇرىدىغان پۇل:[مىسال:] پارتىيە ئەزالىق بەدىلى. ئىتتىپاق ئەزالىق بەدىلى.

بەدەلسىز

  • بەدەلسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەدىلى يوق، ھەقسىز، تۆلەمسىز، بىكارغا.

بەدەللىك

  • بەدەللىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەدىلى بار، بەدەل تۆلەيدىغان:[مىسال:] بەدەللىك ئەمگەك. بەدەللىك ئۇرۇش.

بەدەن

  • بەدەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئادەملەرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك تۈزۈلۈشىدىن ھاسىل بولغان بىر پۈتۈن گەۋدىسى.[يەشمىسى:] ② ۋۇجۇد تەننىڭ سىرتقى قىسمى، سىرتى:[مىسال:] بەدىنى قارا ئادەم.

بەدەنلىك

  • بەدەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەدىنى بار، بەدەنگە ئىگە:[مىسال:] ئۇنىڭ يېنىدا يۈزى يۇمىلاق، تولۇق بەدەنلىك بىر قىز ئولتۇراتتى.

بەدەۋى

  • بەدەۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كۆچمەنچى ۋە يېرىم كۆچمەنچى ئەرەب قەبىلىلىرىگە تەۋە كىشى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەدەنىيەتسىز، ياۋايى:[مىسال:] بىز بەدەۋى ئەمەس.

بەدەۋىلىك

  • بەدەۋىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەدەنىيەتسىزلىك، ياۋايىلىق.

بەدرەك

  • بەدرەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] نەسلى پەس، پەسكەش، رەزىل، ئىپلاس:[مىسال:] زەۋقى دەرھال: ھۇ بەدرەك، پوق چاينىما، دەپ ۋارقىرىدى.

بەدۆلەت

  • بەدۆلەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كاتتا دۆلەتكە، بايلىققا ئىگە بولغان؛ دۆلەتمەن، باي:[مىسال:] بەدۆلەت ئادەم.[يەشمىسى:] ② [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[مىسال:] 1865-1877-يىللىرىدىكى قەشقەرىيە خانلىقىنىڭ خانى ياقۇپ بەگنىڭ يەنە بىر نامى.

بەدىئىي

  • بەدىئىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ۋەقەلىكنى نەپىس سەنئەت ۋاسىتىلىرى، ئوبرازلار ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان، ئەدەبىيلىككە ئىگە:[مىسال:] بەدىئىي ئەسەر. بەدىئىي ئامىل.

بەدىئىي تىل

  • بەدىئىي تىل[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] بىر مىللەتنىڭ مەخسۇس ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىلا قوللىنىلىدىغان ۋە ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەدەبىي تىل.

بەدىئىيلەشتۈرمەك

  • بەدىئىيلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «بەدىئىيلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بەدىئىيلەشتۈرۈلمەك

  • بەدىئىيلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «بەدىئىيلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بەدىئىيلەشمەك

  • بەدىئىيلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ۋەقەلىك نەپىس سەنئەت ۋاسىتىلىرى، ئوبرازلار ئارقىلىق ئىپادىلەنمەك، گۈزەللەشمەك، نازۇكلاشماق.

بەدىئىيلىك

  • بەدىئىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەدىئىي خۇسۇسىيەت، ئەدەبىيلىك:[مىسال:] ئۇنىڭدا بىر كۇپلېت خەلق قوشىقىنى ئىدىيىۋىلىك ھەم بەدىئىيلىك جەھەتتىن تەھلىل قىلىش تەلەپ قىلىنغانىدى.

بەرەس

  • بەرەس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] «ئاقكېسەل»گە قاراڭ.

بەرەھنە

  • بەرەھنە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① كىيىمى تېنىنى ياپالمايدىغان.[يەشمىسى:] ② قىپيالىڭاچ، ئانىدىن تۇغما:[مىسال:] شۇ جايدا 14 يىل تۇردى. ئېگىن-ئاياغلىرى چىرىپ بەرەھنە قالدى.

بەربات

  • بەربات[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] خاراب، ۋەيران، سورۇلغان، بۇزۇلغان، تۈگەشكەن:[مىسال:] ھەممە ئىشىمىز بەربات بولدى.

  • * نېمە قىلسۇن، كىمگە ئەيلسۇن داد،

  • 90جىمى كۈتكەن ئۈمىدى بولدى بەربات.

بەرباتلىق

  • بەرباتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەربات بولۇش، خارابلىق.

بەرپا

  • بەرپا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بارلىققا كەلگەن، ۋۇجۇدقا كەلگەن:[مىسال:] بەرپا قىلماق. بەرپا بولماق.

بەرجەس

  • بەرجەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① زور كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان:[مىسال:] جوتۇ-كەتمەنلەر بەرجەس مۈرىلەردە پارقىرايتتى.[يەشمىسى:] ② ساغلام؛ روھلۇق؛ تېتىك:[مىسال:] بۇ ئۇنىڭ ئاپەتلىك يىللاردىمۇ ئۆزىنى تاشلىۋەتمەي، روھسىزلانماي، بەرجەس تۇرغانلىقىدىن بېشارەت بېرەتتى.[يەشمىسى:] ③ سالماق، تەمكىن، مەزمۇت:[مىسال:] ئالىم يېشى 50 تىن ئېشىپ قالغىنىغا قارىماي، ياشلار ئارىسىدا بەرجەس قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتاتتى.

بەرچەتكە

  • بەرچەتكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەش ۋە يەڭنىڭ چۆرىسىگە قارا دۇخاۋا تۇتۇلىدىغان قىشلىق قىسقا چاپان ياكى قىسقا جۇۋا.

بەرداش

  • بەرداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] چىدام، سەۋر-تاقەت:[مىسال:]

  • ئانىجان كۆتۈر باشىڭنى،

  • تۆكمە ئەمدى كۆز ياشىڭنى،

  • قالدۇرغاچ كۆرەي بەرداشىڭنى،

  • يۈسۈپ ئەھمەد ئوغلانىڭ كەلدى.

بەرداشسىز

  • بەرداشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سەۋر-تاقەتسىز، چىدامسىز:[مىسال:] يولداشلار ئالدىمىزدىكى ئۈچ كۈنلۈك جاپا-مۇشەققەتلىك جەڭ كىمنىڭ بەرداشلىق، كىمنىڭ بەرداشسىز ئىكەنلىكىنى سىنايدۇ، دېگەن سۆزلەر كانايدىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

بەرداشلىق

  • بەرداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سەۋر-تاقەتلىك، چىداملىق:[مىسال:] بەرداشلىق ئادەم. ∥ بەرداشلىق بەرمەك.

بەردەم

  • بەردەم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان، چىداملىق، مەزمۇت:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنى ئىشەنچىلىك، بەردەم سانايتتى.

بەردەملىك

  • بەردەملىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىداملىقلىق مەزمۇتلۇق:[مىسال:] مەخسۇت بەگ نۆكچە ئالتۇننى ئايىمايدىغانلىقى ھەققىدە، جالالىدىن تۇەنجاڭ ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ بەردەملىكى توغرىسىدا ماختاندى.

بەردەنكە

  • بەردەنكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] يالغۇز ئاتار مىلتىق:[مىسال:]

  • سادىرنى ئاتار بولسا،

  • بەردەنكە بىلەن ئاتسۇن.

  • مەن جاڭجۈنگە خەت يازدىم،

  • كاللامنى كېسىۋەتسۇن.

بەررە

  • بەررە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قوزا، پاقلان:[مىسال:] بەررە كاۋاپ.

بەرغەموت

  • بەرغەموت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① سۇزاپ ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان كىچىك دەرەخ.يوپۇرمىقى ئۇزۇنچاق، گۈلى ئاق، مېۋىسى توق سېرىق رەڭدە، خۇشبۇي پۇرايدۇ، تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

بەرق

  • بەرق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] چاقماق، چېقىن، يېشىن.

بەرق ئۇرماق

  • بەرق ئۇرماق[يەشمىسى:] ① چاقنىماق، پارقىرىماق، يالتىرىماق:[مىسال:] تاۋلىنىپ رەڭدار گىلەمدەك بەرق ئۇرار ئوتلاق-ئېتىز، قاينىغان يايلاق ھاياتى مىسلى ئۆركەشلىك دېڭىز.[يەشمىسى:] ② نامايان بولماق، سېزىلىپ تۇرماق، كۆرۈنمەك:[مىسال:] چىرايىدىن ھېسابسىز شادلىق تەبەسسۇمى بەرق ئۇرۇپ تۇرغان ياش ئاتا قابىلبېك چىقىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ③ ئۇلغايماق:[مىسال:] قىزىدى ئۇسسۇل، ساما، دىللاردا شادلىق بەرق ئۇرۇپ، بولدى مەنبەسى ئۈزۈلمەس دەريا، فونتان قەشقىرىم.

بەرقارار

  • بەرقارار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① قارار تاپقان، قەتئىي، ئۈزۈل-كېسىل:[مىسال:]

  • قەدرىگە يەتمەك ئۈچۈن قىينال ئۇنىڭ دەردىدە،

  • بەرقارار تۇر بىر ئۆمۈر بەخش ئەيلىگەن ئەھدىدە سەن[يەشمىسى:] ② مۇستەھكەم، تۇرغۇن، مۇقىم:[مىسال:]

  • تارازا بولمىغۇنچە ھەق ۋە ناھەق ئاشكارا بولماس،

  • تارازا يۇلتۇزسىز كۆكتە تەڭپۇڭ بەرقارار بولماس.

بەرقارارلىق

  • بەرقارارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەرقارار ھالەت.

بەرگ

  • بەرگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] يوپۇرماق:[مىسال:] ئاينۇر دەيدىغان گېپىنى توختىتىپ، ئولتۇرغان پېتى سېكىلەك گۈلنىڭ بەرگلىرىنى پارچىلاپ يۇلۇشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② ساپاق:[مىسال:]

  • يارنىڭ بېغىدا ئالما پىشىپتۇ،

  • بەرگى ئۈزۈلۈپ يەرگە چۈشۈپتۇ.

بەرگلىمەك

  • بەرگلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ساپاق ۋە يوپۇرماق چىقارماق:[مىسال:]

  • ئاچتى پەن بېغىدا تۇنجى غۇنچىلار،

  • بەرگلەپ پورەك بولۇپ ئۇز شۇنچىلا.

بەرگۈزمەك

  • بەرگۈزمەك[يەشمىسى:] «بەرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بەرمەك

  • بەرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۆزىدە ياكى يېنىدا بولغان بىر نەرسىنى باشقىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزماق، ئىختىيارىغا تاپشۇرماق:[مىسال:] بېرىپ يامان بولغۇچە، بەرمەي يامان بول (ماقال).[يەشمىسى:] ② تەمىنلىمەك، تارقاتماق:[مىسال:] دارامەت بەرمەك. مائاش بەرمەك.[يەشمىسى:] ③ ھاسىل قىلماق، نەتىجىگە ئېرىشتۈرمەك:[مىسال:] ئۈنۈم بەرمەك. پايدا بەرمەك. مېۋە بەرمەك.[يەشمىسى:] ④ بىرەر مۇئەسسەسەگە ياكى ئورۇنغا كىرگۈزمەك، ئورۇنلاشتۇرماق:[مىسال:] يەسلىگە بەرمەك. مەكتەپكە بەرمەك.[يەشمىسى:] ⑤ قەرز ياكى ئۆتنىنى تۆلىمەك؛ قايتۇرماق:[مىسال:] تۇغۇلۇپ ئۆلمىگىنىڭنى كۆرەي، قەرزدار بولۇپ بەرمىگىنىڭنى كۆرەي (ماقال).[يەشمىسى:] ⑥ بىرەر تۈس، كۆرۈنۈش، كەيپىيات ھاسىل قىلماق؛ بەخش ئەتمەك، بېغىشلىماق:[مىسال:] ئارام بەرمەك. تەسىر بەرمەك.[يەشمىسى:] ⑦ نەشر قىلىدىغان نەرسىگە كىرگۈزمەك؛ باسماق، ئېلان قىلماق:[مىسال:] بۇ ماقالىنى ژۇرنىلىمىزنىڭ 3-سانىدا بېرىمىز.[يەشمىسى:] ⑧ ئوقۇتماق، ئۆگەتمەك؛ تەربىيىلىمەك:[مىسال:] سىز بىزگە خۇش خەت بىلەن ھېسابتىن دەرس بېرەتتىڭىز.[يەشمىسى:] ⑨ (خوتۇن-قىزلارنى) ياتلىق قىلماق، تالالىق قىلماق، ئەرگە چىقارماق:[مىسال:] ئاتاڭنى ئۆلتۈرگەنگە ئاناڭنى بەر (ماقال).[يەشمىسى:] 01 سۇنماق، ئۇزاتماق، ئىلتىپات قىلماق:[مىسال:] ئەكبەر خۇشياقماسلىق بىلەن قولىنى ئۇنىڭغا بەردى.[يەشمىسى:] 11 يوللىماق، ئەۋەتمەك:[مىسال:] تېلېفون بەرمەك. سىگنال بەرمەك. خەت بەرمەك. ئەرز بەرمەك.[يەشمىسى:] 21 بايان قىلماق، ئېيتماق، دېمەك، ئۇقتۇرماق:[مىسال:] رازىلىق بەرمەك. رۇخسەت بەرمەك. ئىجازەت بەرمەك.[يەشمىسى:] 31 ئىگە قىلماق، ئېرىشتۈرمەك:[مىسال:] ۋەزىپە بەرمەك. ئۇنۋان بەرمەك.[يەشمىسى:] 41 ساتماق:[مىسال:] قانچە پۇلغا بېرىسىز-دېدى ئۇ قوينى كۆتۈرۈپ بېقىپ.[يەشمىسى:] 51 كۆرسەتمەك، ئاڭلاتماق:[مىسال:] بۈگۈن رادىئودا كونسېرت ۋە ناخشا بەردى.[يەشمىسى:] 61 ئايرىم ئىسىملارنى پېئىللاشتۇرىدۇ:[مىسال:] ئەھمىيەت بەرمەك. تونۇشلۇق بەرمەك.[يەشمىسى:] 71 رەۋىشداشلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ تۆۋەندىكى مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. [يەشمىسى:] 1) ھەرىكەتنىڭ باشقا شەيئى ئۈچۈن ياكى باشقا بىركىمگە قارىتىپ ئورۇندىلىشىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ بولغان ئىشنى خوتۇنىغا دەپ بېرىپتۇ.[يەشمىسى:] 2) ھەرىكەت ۋە مەلۇم بىر ئىشنىڭ بولۇشى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مۇشۇ يەردە تۇرۇپ بەرگىنىڭىز بىزنى ئەرشىئەلاغا كۆتۈرگىنىڭىز.

بەرنا

  • بەرنا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ياش، نەۋقىران؛ گۈزەل، قەددى-قامىتى كېلىشكەن:[مىسال:] بۈگۈن ئالدىمغا ھەممە بەرنا يىگىتلەر يىغىلىدىغانغا ئوخشايدۇغۇ؟

بەرھەق

  • بەرھەق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھەقىقەت؛ ھەق، چىن، ھەقىقىي:[مىسال:] بەرھەق، بەرھەق، كېۋىرئاخۇن ئىمامنىڭ سۆزىنى تەستىقلىدى.

بەرھەم

  • بەرھەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دەخلى، توسالغۇ، زىيان:[مىسال:] بەرھەم بەرمەك، بەرھەم يەتمەك. بەرھەم يېمەك.

بەرۋەن

  • بەرۋەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پىچاق، قىڭراق قاتارلىق ئەسۋابلارنىڭ تىغ بىلەن دەستىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان قىسمى.

بەرى

  • بەرى[سۆز تۈركۈمى:] مىقدار سۆز. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] داكا قاتارلىق رەختلەرنىڭ كەڭلىكىنى بىرلىك قىلغان، كۋادرات قىلىنغان بىر پارچىسى ياكى قاتلىمى:[مىسال:] ئىككى بەرى داكا.

بەرىبىر

  • بەرىبىر[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]بارى+بىر[[يەشمىسى:] ① ئوخشاش، پەرقسىز:[مىسال:] گۆھەر نەدە بولسا ئۇ بەرىبىر گۆھەر. * ئۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر، گەرچە مەڭگۈ يۈز كۆرۈشەلمىسەكمۇ-دېدى ئاسىيە.[يەشمىسى:] ② ھەرقانچە قىلغان بىلەن، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھامان:[مىسال:] ئادەمنى ئاغرىق تۇتىدىغان بولسا بەرىبىر تۇتۇۋېرىدۇ.

بەرىكات

  • بەرىكات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىلتىپات، مەدەت:[مىسال:] مانا شۇ دۇئانىڭ بەرىكاتى بىلەن خۇداغا شۈكۈر، كۈنىمىز ياخشى، دېدى ئۇ.

بەرىكە

  • بەرىكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «بەرىكەت»كە قاراڭ:[مىسال:] بەرىكە تاپماق.

بەرىكەت

  • بەرىكەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① جىق نەرسىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان، ئۈزلۈكسىز كۆپىيىدىغان ئۈنۈم:[مىسال:] بەرىكەت بەرمەك. * خۇدا ساڭا بەرىكەت بەرسۇن ياخشى ئىشلە، دېدىم مەن ئۇنىڭغا.[يەشمىسى:] ② موللۇق، كەڭ-كۇشادىلىق، باياشاتلىق:[مىسال:]

  • ئۆتتى چاغ ھەر كۈنلۈكى بەرىكەت بىلەن،

  • ئەر-ئايالنىڭ ھەممىسى ئەمگەك بىلەن.[يەشمىسى:] ③ پايدا، مەھسۇلات، ھوسۇل، مېۋە، نەپ، نەتىجە:[مىسال:] ئەمگەك بىلەن ھەرىكەت ئالتۇن بىلەن بەرىكەت (ماقال).

بەرىكەتسىز

  • بەرىكەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەرىكىتى يوق، بەرىكىتى تۈگىگەن، بەرىكەت قىلمايدىغان:[مىسال:] بەرىكەتسىز نەرسە.

بەرىكەتسىزلىك

  • بەرىكەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەرىكەت قىلماسلىق، بەرىكىتى يوقلۇق:[مىسال:] قوناقمۇ يىرىك تارتىلغاچقا، ئۇ يىرىك ئۇننىڭ بەرىكەتسىزلىكىدە يەنىلا ئاچ قالاتتۇق.

بەرىكەتلىك

  • بەرىكەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بەرىكىتى بار، بەرىكەت قىلىدىغان؛ ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] بەرىكەتلىك داستىخان.[يەشمىسى:] ② ئاز بولسىمۇ، كۆپكە توغرا كېلىدىغان؛ كۆپكە تېتىيدىغان؛ ئاينىشلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈن ئايدەك، ئاي يىلدەك بەرىكەتلىك بولۇپ تۇيۇلۇپتۇ.[يەشمىسى:] ③ پايدىلىق، مەھسۇلاتلىق، نەتىجىلىك، ئۈنۈملۈك، ھوسۇللۇق:[مىسال:] زەرەپشان بويلىرى بەرىكەتلىك كۈز ئايلىرى كېلىشى بىلەن تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ.

بەرىكىلىك

  • بەرىكىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «بەرىكەتلىك»كە قاراڭ.

بەريان

  • بەريان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] كاۋاپ، كاۋاپ بولغان، ئۆرتەنگەن، كۆيگەن:[مىسال:] نەرگىسى كۆزلىرىڭ ياشقا تولۇپتۇ، شىكەستە دىلىڭ بەريان بولۇپتۇ.

بەز

  • بەز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] جانلىق ئورگانىزملارنىڭ تېنى ئىچىدىكى بەز ھۈجەيرىلىرىدىن تۈزۈلگەن ۋە بەلگىلىك دەرىجىدە خىمىيىۋى ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرالايدىغان توقۇلما:[مىسال:] تەر بېزى. شۆلگەي بېزى. * مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق، بەزگە ئامراق (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورگانىزمنىڭ ياللۇغلىنىشىدىن تومپىيىپ چىققان جاي:[مىسال:] ئوغلۇم، تولا ئاقسىماي ماڭ، تېقىمىڭغا بەز چۈشۈپ قالمىسۇن يەنە.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گەپ-سۆز تەسىر قىلمايدىغان، قاشاڭ، يۈزى قېلىن:[مىسال:] بەز قۇلاق. * تۇرسۇن ئاكامنىڭ بالىسى بىر بەز ئادەم بوپتۇ.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] سۇ سىڭمەيدىغان، قاتمايدىغان ھەم يۇمشىمايدىغان:[مىسال:] بەز تۇپراق. بەز لاي.

بەز مارىغان مۈشۈكتەك

  • بەز مارىغان مۈشۈكتەك[يەشمىسى:] ئاچ كۆزلۈك، تەمەخورلۇق بىلەن:[مىسال:] غۇلام: مانا ئەمدى ئالدىڭىزغا ئاش كەلگەندە، بەز مارىغان مۈشۈكتەك تۈگۈلۈپ ئولتۇرغىنىڭىز نېمىسى دېدى ئادىلغا.

بەز يېگەن مۈشۈكتەك

  • بەز يېگەن مۈشۈكتەك[يەشمىسى:] لام-جىم دېمەي، ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي:[مىسال:] نېمە بەز يېگەن مۈشۈكتەك قاراپ تۇرىسىز، گەپ قىلسىڭىزچۇ، -دېدى ئامىنە يولدىشى ئابلىمىتكە يىغلامسىراپ تۇرۇپ.

بەزەن

  • بەزەن[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «بەزى»گە قاراڭ:[مىسال:]

  • بەزەن كۆكتىن ئۇچار ئىكەنسەن،

  • يەرگە ئاققان يۇلتۇزدەك گويا.

  • بەزەن چەكسىز ئۇپۇق قوينىدا،

  • ئېچىلىسەن ئاق گۈلدەك گويا.

بەزەن-بەزەن

  • بەزەن-بەزەن[يەشمىسى:] بەزى-بەزى، ئارىلاپ-ئارىلاپ، گاھ-گاھ:[مىسال:] ئۇ كەينىگە قارىمايتتى. كۆك قەرىدە بەزەن-بەزەن يالتىرىغان چاقماق نۇرلىرى ئۇنى ئارقا تەرىپىدىن غىل-پال يورۇتۇپ قالاتتى.

بەزدۈرمەك

  • بەزدۈرمەك[يەشمىسى:] «بەزمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سۆيدۈرگەنمۇ تىل، بەزدۈرگەنمۇ تىل (ماقال).

بەزدۈرۈشمەك

  • بەزدۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «بەزدۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بەزدۈرۈلمەك

  • بەزدۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «بەزدۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بەزگەك

  • بەزگەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ① جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل، بەزگەك پلازمودىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ پاشا ئارقىلىق يۇقىدۇ؛ مەزگىل بويىچە تۇتىدۇ. ئالامەتلىرى: بەدەننى تىترەك باسىدۇ؛ قىزىتىپ قاتتىق تەرلىتىدۇ؛ باشنى ئاغرىتىدۇ؛ ئېغىزنى قۇرۇتىدۇ؛ ماغدۇرسىزلاندۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشى.

بەزگەك پلازمودىيىسى

  • بەزگەك پلازمودىيىسى[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر ھۈجەيرىلىك ھايۋان، ئادەمنىڭ قىزىل قان دانىچىسىدا پارازىت ياشاپ، بەزگەك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.

بەزلەتمەك

  • بەزلەتمەك[يەشمىسى:] «بەزلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بەزلەشمەك

  • بەزلەشمەك[يەشمىسى:] «بەزلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بەزلەنمەك

  • بەزلەنمەك[يەشمىسى:] «بەزلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بەزلىك

  • بەزلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە بېزى بار، بەز بولغان.

بەزلىمەك

  • بەزلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆڭلىنى ياسىماق، كۆڭۈل ئېيتماق، تەسەللى بەرمەك:[مىسال:] بالىنى بەزلىمەك.

بەزمە

  • بەزمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دوستلار، يار-بۇرادەرلەر ياكى قۇرداشلارنىڭ نۆۋەت بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، يەپ-ئىچىپ، ناخشا، ساز بىلەن قىلغان ئويۇن تاماشىسى:[مىسال:] بەزمە قىلماق.

بەزمەك

  • بەزمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىزار بولماق، ۋاز كەچمەك، يالتايماق، زېرىكمەك:[مىسال:] ئاتىسى تۇرۇپ ئوغلى سۆزلىگەندىن بەز (ماقال).

بەزمىچى

  • بەزمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەزمىلەرگە قاتنىشىدىغان، ئويۇن-بەزمىگە ئامراق كىشى، ئويۇنچى:[مىسال:] بەزمىچىلەر يېرىم كېچىدىن ئاشقاندىلا ئاندىن تارقاشتى.

بەزى

  • بەزى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىر قىسىم، ئايرىم:[مىسال:] مەن ئۇ خەتنىڭ بەزى جايلىرىنى ئىككى قېتىمدىن ئوقۇپ بەردىم.

بەزى-بەزىدە

  • بەزى-بەزىدە[يەشمىسى:] گاھى-گاھىدا، ئاندا-ساندا، بىرەبىر.

بەزىبىر

  • بەزىبىر[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]بەزى+بىر[[يەشمىسى:] مەلۇم بىر، ئايرىم بىر:[مىسال:] ئابلىكىم سۆزلەۋاتقاندا، ئالماسنىڭ كۆز ئالدىدىن بەزىبىر خاتىرىلەر تىزىلىپ ئۆتتى.

بەزىدە

  • بەزىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئايرىم ۋاقىتتا، گاھىدا:[مىسال:] بەزىدە ئۇ گۈللەرگە قاراپ ئۇزاق-ئۇزاق تۇرۇپ كېتەتتى.

بەسⅠ

  • بەسⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر مەسىلە ھەققىدىكى تالاش-تارتىش؛ رىقابەت، مۇنازىرە:[مىسال:] بەس تالاشماق. بەس قىلماق.[يەشمىسى:] ② بىر-بىرىگە نىسبەتەن ھەركىم پىكرىدە تۇرۇش، ئۆز پىكرىنى باراۋەر، ئوخشاش ئورۇنغا قويۇش: بەس كەلمەك.

بەس تالاشماق

  • بەس تالاشماق[يەشمىسى:] رىقابەتلەشمەك، مۇسابىقىلەشمەك، مۇنازىرىلەشمەك:[مىسال:] خاتىپ ئېيتقان ئارزۇسى شەھەر مۇئەككىلى چۈشەنمەي تۇرۇپلا مەلۇم سورۇندىكىلەر بىلەن بەس تالاشقان.

بەس سالماق

  • بەس سالماق[يەشمىسى:] بىرەر ئىش، ئەمگەك، ۋەزىپە قاتارلىقلارنى بېجىرىشنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىشمەك، بىر-بىرىگە قاراپ ئىشلىمەك:[مىسال:] ئەبىلغازى ھېيتەكلەرگە بۇرۇلدى-دە: قويۇشە، بەس سېلىشماي، ما ئىشنى تۈگىتىۋېتەيلى، دېدى.

بەس كەلمەك

  • بەس كەلمەك[يەشمىسى:] ① تەڭ، باراۋەر كەلمەك؛ تەڭلەشمەك، باراۋەرلەشمەك:[مىسال:] بۇ چۆل-باياۋاندىكى لەنىتى قۇم ئەجدىھاسىغا، رەھىمسىز قارا بورانلارغا پەقەت سىلەرلا بەس كېلەلەيسىلەر.[يەشمىسى:] ② بەرداشلىق بەرمەك، چىدىماق:[مىسال:] ئاغرىققا بەس كەلمەك.

بەسⅡ

  • بەسⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «بولدى، يېتەر، يېتەرلىك؛ قوي، توختات» مەنىسىدىكى ئۈندەش رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] بەس بولدى، بۇ يەر قالايمىقان تاكاللىشىدىغان ئورۇن ئەمەس دېدى سودىيە قۇلان ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ.

بەسەي

  • بەسەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى چوڭ؛ گۈلى ئاچ سېرىق؛ سورتى كۆپ بولىدۇ. ئادەتتە كۆكتات ھېسابلىنىدۇ. «يېسىۋىلەكمۇ» دېيىلىدۇ.

بەسەيلىك

  • بەسەيلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەسىيى بار، بەسەي تېرىلىدىغان:[مىسال:] بەسەيلىك يەر.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] بەسەي تېرىلىدىغان ئېتىز، بەسەي ئۆسكەن جاي:[مىسال:] بەسەيلىكتىن بىر تۈپ بەسەي يۇلۇپ چىق.

بەس-بەس

  • بەس-بەس[يەشمىسى:] بىر-بىرىدىن قېلىشماي ھەرىكەت قىلىش تۈسىنى ئالغان بىر خىل كەيپىيات:[مىسال:] بەس-بەس بىلەن سېتىۋالماق.

بەس-بەستە

  • بەس-بەستە[يەشمىسى:] بىر-بىرىدىن قېلىشماي، بەسلەشكەن ھالدا:[مىسال:] بەس-بەستە سۆزلىمەك.

بەس-بەسچى

  • بەس-بەسچى[يەشمىسى:] داۋاملىق بەس-بەس بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان، باشقىلاردىن ئۈستۈن كېلىشكە قىزىقىدىغان، رىقابەتچى.

بەست

  • بەست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قەددى-قامەت، تەقى-تۇرق، گەۋدە:[مىسال:] ئۇنىڭ بەستىدىن ياشلىقنىڭ ئاجايىپ كۈچى تېمىپ تۇراتتى.

بەستلىك

  • بەستلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قەددى-قامىتى بار، قەددى-قامەتلىك، گەۋدىلىك، قاۋۇل، ئۇستىخانلىق:[مىسال:] يېشىغا نىسبەتەن بەستلىك، يوغان كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان غەيرەت بۇ ئادەمنىڭ تاققا-تۇققا گەپلىرىدىن گۇمانلىنىپ، دادىسىنىڭ كۆزىگە مەنىلىك قاراپ قويدى.

بەسلەشتۈرمەك

  • بەسلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «بەسلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بەسلەشتۈرۈلمەك

  • بەسلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «بەسلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بەسلەشمەك

  • بەسلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر-بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالاشماق، مۇسابىقىلەشمەك:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ مەمەتجان بىلەن ئامانگۈل ئورمىدا بەسلىشىپ قالدى.

بەس-مۇنازىرە

  • بەس-مۇنازىرە[يەشمىسى:] ھەركىم ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان قىزغىن مۇنازىرە، تالاش-تارتىش، دەتالاش:[مىسال:] لوپنۇر توغرىسىدىكى بەس-مۇنازىرە باشلانغىنىغا يۈز يىلدىن ئاشتى.

بەش

  • بەش[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] تۆتتىن كېيىن ئالتىدىن بۇرۇن كەلگەن سان، «5» رەقىمى.

بەشئاتار

  • بەشئاتار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بەش+ئاتار[[يەشمىسى:] بەش تال ئوق قاچىلىنىدىغان ۋە بىر-بىرلەپ ئېتىلىدىغان مىلتىق.

بەشەيلەن

  • بەشەيلەن[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] بەش كىشى:[مىسال:] بىز بەشەيلەن ئالدىراپ كەلدۇق، قالغانلار ئەمدى كېلىۋاتىدۇ.

بەشبارماق

  • بەشبارماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بەش+بارماق[[يەشمىسى:] بىر خىل تاماق چۆپ ئاش.

بەشتاش

  • بەشتاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بەش+تاش[[يەشمىسى:] قىزلارنىڭ كىچىك ھەم يۇمىلاق بەش دانە تاش بىلەن ناخشا ئېيتىپ ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇنى:[مىسال:] بەشتاش ئوينىماق.

بەشلەڭ

  • بەشلەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بەش+لەڭ[[يەشمىسى:] قارتا ئويۇنلىرىنىڭ بىر خىلى.

بەشلىك

  • بەشلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەش كىشى ياكى بەش نەرسىدىن تەركىب تاپقان.

بەشمەرەك

  • بەشمەرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بەش بارماق.

بەشىرە

  • بەشىرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① يۈز، چىراي، قىياپەت:[مىسال:] كۈلگەندە ئۇلارنىڭ بەشىرىسى ئاشۇنداق بولۇپ كېتىدۇ.[يەشمىسى:] ② كىشىنىڭ روھىي ھالىتى، تەبىئىتى ۋە ئىچكى قىياپىتىنى ئىپادىلەيدىغان سىرتقى كۆرۈنۈش:[مىسال:] كۆزلىرى نېمىدېگەن كۆك، چېقىر كۆز، دەپ يېقىمسىز ئويلىدى مەتقۇربانباي، چېقىر كۆزلۈك شەيتاننىڭ بەشىرىسى دەيدىغان.[يەشمىسى:] ③ يامان خاراكتېر، يامان نىيەت:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن ھەقىقىي بەشىرىسىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

بەشىنچى

  • بەشىنچى[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] تۆتىنچىدىن كېيىن ئالتىنچىدىن ئىلگىرى بولغان، بەشىنچى نومۇرلۇق:[مىسال:] بەشىنچى ئورۇن. بەشىنچى كۆرۈنۈش.

بەشىنچىلىك

  • بەشىنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەشىنچى ئورۇن، دەرىجە.

بەقەسەم

  • بەقەسەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىپەك ۋە ئارىلاشما يىپتا يول-يول توقۇلغان بىر خىل يەرلىك رەخت.

بەقەم

  • بەقەم [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە>ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① قىزىل رەڭ ماتېرىياللىرىنى ئايرىۋېلىشقا بولىدىغان بىر خىل ياغاچ. [يەشمىسى:] ② يۇلغۇننىڭ قۇم ئاستىدىن كولىۋېلىنىدىغان قىزىل يىلتىزى ، قىزىل كۆتىكى .

بەقۇۋۋەت

  • بەقۇۋۋەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] زور جىسمانىي كۈچكە ئىگە بولغان، جىسمانىي جەھەتتە ساغلام ھەم كۈچلۈك:[مىسال:] بەقۇۋۋەت ئادەم.

بەكⅠ

  • بەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ناھايىتى، ئالاھىدە، ئىنتايىن، قالتىس، تازا، راسا:[مىسال:] بەك قاتتىق. بەك ياخشى. بەك چاپماق. بەك خارلانماق.

بەكⅡ

  • بەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىڭ، پىششىق، مەزمۇت، مۇستەھكەم:[مىسال:] جېنى بەك. * يەپ تۇر، بەك تۇر (ماقال).

بەكە

  • بەكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «قەلەمتىراش»قا قاراڭ.

بەگ

  • بەگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ① بۇرۇنقى مەمۇرىي ئەمەل ۋە شۇنداق ئەمەل ئالغان كىشى. [يەشمىسى:] ② مۇراجىئەت ۋە ھۆرمەت سۆزى. [يەشمىسى:] ③ كىشى ئىسىملىرىنىڭ كەينىگە كېلىپ، ھۆرمەت نامىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] توختى بەگ. قاسىم بەگ.

بەگ-بىگات

  • بەگ-بىگات[يەشمىسى:] بەگ ۋە بەگ قاتارلىق ئەمەلدارلار:[مىسال:] پۈتۈن قەشقەرگە تەۋە بەگ-بىگاتلار، ئۇلار تارقاتتى بۇ پەرماننى پاتلا.

بەگچەك

  • بەگچەك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەگ-ئەمەلدارنىڭ بالىسى، بەگ ئەۋلادى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەكەببۇر؛ ھارامزادە.

بەگزادەⅠ

  • بەگزادەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەگ، باي ئەمەلدارلارنىڭ بالىلىرى؛ بەگ نەسلى.

بەگزادەⅡ

  • بەگزادەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قوغۇننىڭ بىر تۈرى، ئۆزى كىچىك، ئۇزۇنچاقراق، شاپىقى نېپىز، سىرتى تۈكلۈك، بىر ئاز تىلىم-تىلىم، ئىچى قىزىل ۋە كۆكۈچ بولىدۇ؛ تەمى بەك تاتلىق.

بەگلىك

  • بەگلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەگلەرنىڭ ئورنى، ۋەزىپىسى؛ بەگلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى، ئەمىلى:[مىسال:] ئۇ دائىم «خوجاھاپىز بەگ-ئالدى-كەينىڭىزگە قاراپ ئىش قىلىڭ، بەگلىك كېتىدۇ، يۇرت قالىدۇ»دەيدىغان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەگ قارمىقىدىكى، بەگلەرگە ئاتالغان:[مىسال:] بىزنىڭ يۇرتنى ئوتتۇز ئىككى بەگلىك دېيىشىدۇ.

بەڭ

  • بەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «نەشە»گە قاراڭ.

بەڭگى

  • بەڭگى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① نەشە چېكىدىغان ئادەم:[مىسال:] ئۇ خۇددى مەجۈن شوراپ، توختىماي كۈلىدىغان قوتۇر چىراي

  • بەڭگى قىياپىتىگە كىققاتارلىق نەرسىلەرنى كۆپ چېكىشكە ئادەتلەنگەن كىشى.

بەڭگىدىۋانە

  • بەڭگىدىۋانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بەڭگى+دىۋانە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چەيزە ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ؛ تەمى ئاچچىق بولۇپ، زەھەرلىك، مەست قىلىپ ئاغرىق توختىتىدۇ؛ رېماتىزمنى داۋالايدۇ؛ يۆتەل ۋە دەم سىقىلىشنى پەسەيتىدۇ.

بەڭگىلىك

  • بەڭگىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەشە ياكى تاماكا چىكىش ئىشى، ئادىتى.

بەڭۋاش

  • بەڭۋاش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]بەڭ+باش[[يەشمىسى:] ئۆزى بىلگەننى، كۆڭلى خالىغاننى قىلىدىغان؛ باشباشتاق:[مىسال:] بەڭۋاش ئادەم.

بەڭۋاشلىق

  • بەڭۋاشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزى بىلگەننى قىلىپ يۈرۈش ھالىتى، كۆڭلى خالىغاننى قىلىش، باشباشتاقلىق.

بەلⅠ

  • بەلⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئارقا ئومۇرتقىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى؛ گەۋدىنىڭ كۆكرەك قاپقىسى بىلەن داس سۆڭەك ئۈستىدىكى ئارىلىقى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، تەڭ ئوتتۇرىدىن بۆلۈنگەن جايى:[مىسال:] ياغاچنىڭ بېلىدىن كەسمەك.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جىسمانىي ياكى ماددىي كۈچ:[مىسال:] بېلى بوش.[يەشمىسى:] ④ ئېگەرسىمان تۆپىلىكنىڭ پەسەيگەن جايى:[مىسال:] ماشىنا كىچىك بىر بەلدىن ئېشىپ ئۆتتى.

بەل باغلىماق

  • بەل باغلىماق[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا ئەستايىدىل كىرىشمەك، نىيەت قىلماق، ئىرادە تۇرغۇزماق.

بەل تۇتۇشماق

  • بەل تۇتۇشماق[يەشمىسى:] كۈچ سىناشماق، چېلىشماق:[مىسال:] نىياز پالۋان ھېلىقى زەڭگى بىلەن بەل تۇتۇشماقتا ئىدى.

بەل قويۇۋەتمەك

  • بەل قويۇۋەتمەك[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا نىسبەتەن ئىشەنچ-ئىرادىسىنى بوشاشتۇرماق، يوقاتماق.

بېلى بوش

  • بېلى بوش[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى قىلىشقا ئىرادىسى ئاجىز؛ ئىرادىسىز، غەيرەتسىز:[مىسال:] بېلى بوش ئادەم. * بېلى بوشنىڭ ئىشى بوش (ماقال).

بېلى چىڭ

  • بېلى چىڭ[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا كىرىشىشكە ياكى باشلاشقا تەييارلىقى، غەيرىتى بار:[مىسال:] قانداق ئوغلۇم، بۇ ئىشقا بېلىڭ چىڭمۇ دېدى سىناق نەزىرى بىلەن ئابدۇرەھىمغا قاراپ.

بېلىگە تەپمەك

  • بېلىگە تەپمەك[يەشمىسى:] بىراۋ بىرەر ئىشقا ئىنتىلىۋاتقان، جىددىي كىرىشىۋاتقان پەيتتە توسقۇنلۇق قىلماق؛ قارشىلىق قىلماق؛ زەربە بەرمەك:[مىسال:] ھاشىم ئاكام زەردە بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنىڭ بېلىگە تەپتى.

بېلى ئېگىلمەك

  • بېلى ئېگىلمەك[يەشمىسى:] ئىغىرچىلىق، جاپا-مۇشەققەت، دەرد-ئەلەمنى كۆتۈرەلمەي قىيىن ئەھۋالدا قالماق.

بەلⅡ

  • بەلⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەنجان تېمى سېلىشتا تامغا لاي ئېتىپ بېرىشكە ئىشلىتىدىغان ئوزۇن ياغاچ ساپلىق تۆمۈر سايمان، يۈزى ئادەمنىڭ ئىككى ئالىقىنىدەك چوڭلۇقتا بولىدۇ.

بەلەن

  • بەلەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئوبدان، ياخشى، ئېسىل:[مىسال:] بەلەن ئادەم.

بەلەنلىك

  • بەلەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇقىرىلىق، ياخشىلىق.

بەلتوسما

  • بەلتوسما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بەل+توسما[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] سۇنىڭ قاشنى چېقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قاشنىڭ خەتەرلىك يېرىدىن ئېقىننىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ ياسالغان «T» شەكىللىك توسما.

بەلچەⅠ

  • بەلچەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنا ۋە چەم چۆرىسىنى تۈزلەپ سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۇتقۇچلۇق تۆمۈر ئەسۋاب.

بەلچەⅡ

  • بەلچەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆكتات ۋە زىرائەت مايسىلىرى ئارىسىدىكى ئوت-چۆپلەرنى ئوتاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب؛ ئوتىغۇچ.

بەلچەⅢ

  • بەلچەⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① مەش ۋە ئوچاقتىن كۈل ئالىدىغان بەل گۈرجەك. [يەشمىسى:] ② ھارۋىنىڭ ئىككى شوتىسىغا ئورنىتىلغان، شوتىغا قېتىلغان ھايۋاننىڭ بېلىگە تارتىلىدىغان تاسما، بەلۋاغ، بەللىك.

بەلچىر

  • بەلچىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى ئېقىننىڭ قوشۇلغان يېرى، جايى.

بەلدەتمەك

  • بەلدەتمەك[يەشمىسى:] «بەلدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بەلدەشمەك

  • بەلدەشمەك[يەشمىسى:] «بەلدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بەلدەڭ

  • بەلدەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] «ئەپكەش»كە قاراڭ.

بەلدەم

  • بەلدەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ بۆلىنىدىغان جايى؛ بوغۇم. [يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنىڭ بۆلىنىدىغان جايىدىن كېسىلگەن بۆلەك.

بەلدەنمەك

  • بەلدەنمەك[يەشمىسى:] «بەلدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بەلدىمەك

  • بەلدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ مەلۇم جايلىرىغا بەلگە سېلىپ، بەلدەم-بەلدەم قىلىپ قويماق. [يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنى بەلدەم-بەلدەم قىلىپ كەسمەك.

بەلغەم

  • بەلغەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئۆپكە ۋە نەپەس يوللىرىدىن ئاجرىلىپ چىققان شىلىمسىمان سۇيۇقلۇق بولۇپ، نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئاجرىلىپ چىقىشى ئازراق بولىدۇ؛ ئۆپكە ياكى نەپەس يولى ياللۇغلانغاندا كۆپىيىدۇ.

بەلغەملىك

  • بەلغەملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەلغەم بار ياكى بەلغەم ئارىلاشقان، بەلغەم ئارىلاش:[مىسال:] بەلغەملىك تۈكۈرۈك.

بەلكى

  • بەلكى[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بۇرۇلۇش مەنىسىدە كەلگەن جۈملە بىلەن جۈملىنى ۋە جۈملە بۆلەكلىرىنى باغلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ دادىسى ئوقۇتقۇچى ئەمەس، بەلكى ئىشچى.[يەشمىسى:] ② «ئېھتىمال» دېگەن مەنىدە يۈكلىمە رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] بەلكى ئۇ مېنىڭ كەلگىنىمنى ئاڭلىمىغان بولسا كېرەك.

بەلكىم

  • بەلكىم[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «بەلكى»گە قاراڭ:[مىسال:] ئۇنىڭ كەلتۈرگەن مىسالى ئۆز پىكرىنى ئىسپاتلىمىدى. بەلكىم رەت قىلدى. * بەلكىم ئۇ يىپەك كىيىملىرىنى كىيىپ كەلگەن بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان بولاتتى.

بەلگە

  • بەلگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تونۇشلۇق بولۇش ۋە پەرقلىنىپ تۇرۇش ئۈچۈن شەكىللەندۈرۈلگەن نىشان، ئالامەت؛ تامغا. [يەشمىسى:] ② بىرەر مەنە، مەزمۇن ياكى مىقدارنى ئىپادىلىگۈچى گرافىك، ئالامەت، ئىشارە:[مىسال:] سوراق بەلگىسى. تەڭلىك بەلگىسى.[يەشمىسى:] ③ نەرسە، ۋەقە ھادىسىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى، سۈپىتى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ بەلگىلىرى زادى قانداق بولىدۇ[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>لوگىكا<[يەشمىسى:] ئوبيېكتنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان ياكى بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان خۇسۇسىيەتلىرى لوگىكىدا «بەلگە» دەپ ئاتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ⑤ ئىچكى ھېسسىيات، كەچۈرمىشلەرنىڭ، پسىخولوگىيىلىك ھالەتلەرنىڭ تاشقى ئالامىتى، ئەسىرى:[مىسال:] ئايشەمنىڭ چىرايىدىن دەرد-ئەلەم بەلگىلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ دېرەك بېرىدىغان ئالامەت، نىشان:[مىسال:] مەمەتنىڭ چىرايىدىكى سېرىقلىق — كېسەللىكنىڭ بەلگىسى.[يەشمىسى:] ⑦ يەر ئۆلچەشتە ئىشلىتىدىلىغان ئاق ۋە قىزىل قىلىپ سىرلانغان ئالا كالتەك ياكى مەخسۇس ئۆلچەملىك سىزىقلار سېلىنغان ئۇزۇن تاختاي.

بەلگىسىز

  • بەلگىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بەلگىسى يوق، بەلگە قويۇلمىغان، بەلگە سېلىنمىغان. [يەشمىسى:] ② نامەلۇم، ناتايىن، ئېنىق ئەمەس:[مىسال:] ئۇنىڭ نەگە يوقىلىپ كەتكەنلىكى بەلگىسىز.

بەلگىسىز ئالماش

  • بەلگىسىز ئالماش[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئېنىقسىزلىقنى بىلدۈرىدىغان ئالماش. مەسىلەن: ئاللىقاچان، ئاللىكىم، ئاللىقانداق، قايسىبىر، پالانى، بىرمۇنچە...

بەلگىسىزلىك

  • بەلگىسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بەلگىسى يوقلۇق؛ بەلگە قويۇلمىغان، بەلگە سېلىنمىغان ھالەت.[يەشمىسى:] ② ئېنىقسىزلىق، نامەلۇملۇق.

بەلگىلەتمەك

  • بەلگىلەتمەك[يەشمىسى:] «بەلگىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بەلگىلەشمەك

  • بەلگىلەشمەك[يەشمىسى:] «بەلگىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كۆپچىلىك ئۆزلىرى بەلگىلەشكىنى ياخشىراق، دېدىم مەن.

بەلگىلەنمەك

  • بەلگىلەنمەك[يەشمىسى:] «بەلگىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ئىش شۇنداق بەلگىلەندى.

بەلگىلىك

  • بەلگىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بەلگىسى، نىشانى بار؛ بەلگە قويۇلغان، بەلگە-نىشان سېلىنغان:[مىسال:] بىر چاغدا كرېست بەلگىلىك سومكا كۆتۈرگەن بىر ئەسكەر كىرىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم، مۇئەييەن، ئېنىق:[مىسال:] ھەزرەتلىرى دېيىشىپ قويغان بەلگىلىك سائەت ئىچىدە شەھەرگە تېگىش قىلسىلا.

بەلگىلىمە

  • بەلگىلىمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى مەلۇم مەسىلە ھەققىدە بىرەر ئورگان، تەشكىلات ۋە مەلۇم بىر يىغىن بامەسلىھەت قوبۇل قىلغان توختام، تۈزۈم، قارارلار ۋە ئۇنىڭ تېكىستى:[مىسال:] قەغەزدىكى بەلگىلىمە بۇ يەردە ئاقمامدۇ دېدى ئۇ نارازى قىياپەتتە.

بەلگىلىمەك

  • بەلگىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر شەرتلىك بەلگە، ئىشارەت بىلەن ئىپادىلىمەك:[مىسال:] خىمىيىدە ھىدروگېننى «H» بىلەن بەلگىلەيدۇ.[يەشمىسى:] ② بىرەر خۇسۇسىيەت، ماھىيەتكە ئاساسەن مەلۇم يەكۈننى ئىپادىلىمەك:[مىسال:] يازنىڭ كېلىشىنى باھار بەلگىلەيدۇ.[يەشمىسى:] ③ بىر قارارغا كەلمەك، قارار قىلماق:[مىسال:] شۇ كۈنكى ئولتۇرۇشنىڭ مەزمۇنىنى بىز بەلگىلەيمىز.[يەشمىسى:] ④ بىرەر مەقسەت ئۈچۈن تاللىماق، كۆرسىتىپ بەرمەك:[مىسال:] ئابلىمىت ئەختەمگە داۋاملىق تەكرار قىلىش ئۈچۈن دەرسلىك كىتابتىن بىرنەچچە جاينى بەلگىلەپ بېرىپ ئۆزى شەھەرگە كىرىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ⑤ ئىشقا قويماق، تەيىنلىمەك:[مىسال:] ئۇلار مېنى ئوقۇتقۇچىلىققا بەلگىلىدى.

بەلگىلىمىسىز

  • بەلگىلىمىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەلگىلىمىسى يوق، بەلگىلىمىلىرى بولمىغان.

بەلگىلىمىلىك

  • بەلگىلىمىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەلگىلىمىسى بار، بەلگىلىمىلىرى بېكىتىلگەن.

بەللۇت

  • بەللۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] دۇب دەرىخىنىڭ مېۋىسى، ئۇزۇن ۋە يۇمىلاق كېلىدۇ، ئۇرۇقى دورا قىلىنىدۇ، ئۇرۇقنىڭ ئۈچەينى قورۇپ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش رولى بار.

بەللى

  • بەللى[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ماختاش، ماقۇللاش، مەدھىيە، ئالقىشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بەللى، شۇنداق قىل ئوغلۇم

بەللىك

  • بەللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① شىمنىڭ ئۈستى، بەلۋاغ بېكىتىلىدىغان قىسمى:[مىسال:] شىمنىڭ بەللىكى.[يەشمىسى:] ② ئات-ئۇلاغلارغا توقۇلىدىغان ئېگەر، چوم، مۆلە قاتارلىقلارنىڭ ئىككى قېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياپىلاق تۆمۈر.

بەلۋاغ

  • بەلۋاغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بەل+باغ[[يەشمىسى:] ① بەلگە باغلايدىغان پوتا. [يەشمىسى:] ② ئات-ئۇلاغلارنىڭ ئېگەر ۋە مۆلىلىرىنىڭ ئۈستىدىن باستۇرۇپ باغلايدىغان ياكى ھارۋىنىڭ شوتىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان تاسما. [يەشمىسى:] ③ ھەر نەرسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن ئۆتكەن دەپ پەرەز قىلغان سىزىق، ھالقا:[مىسال:] ئىسسىق بەلۋاغ. ئورمان بەلۋېغى.

بەلۋاغلىق

  • بەلۋاغلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بەلۋېغى بار، بەلۋاغ باغلىغان ياكى بەلۋاغ بىلەن باغلانغان.[يەشمىسى:] ② بەلۋاغ قىلىشقا بولىدىغان، بەلۋاغ ئۈچۈن تەييارلانغان، بەلۋاغ قىلىشقا باب كېلىدىغان.

بەلىزگۈل

  • بەلىزگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بەلىز+گۈل[[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۆزى پاكار، يوپۇرمىقىنىڭ كۆپ قىسمى تۈۋىدىن ئۆسىدۇ، شەكلى قوشۇق ياكى تۇخۇمغا ئوخشايدۇ؛ تىلسىمان گۈللىرى ئاق، ئاچ قىزىل، ياكى قىزىل رەڭلەردە؛ كانايسىمان گۈللىرى سېرىق رەڭدە بولىدۇ.

بەلىش

  • بەلىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خېمىرىغا تۇخۇم، ئەبجەش ياغ، سودا، ئاق شېكەر، سۈت قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ دۇخوپكىدا پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل يېمەكلىك.

بەمەلچەك

  • بەمەلچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قول بارماقلىرىنىڭ ھەربىر ئۈگىسى، بېغىشى. [يەشمىسى:] ② قۇشلار، ئۇچار قاناتلارنىڭ چوڭ بارمىقى.

بەمەلدىرەك

  • بەمەلدىرەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قامچا سېپىنىڭ تۇتىدىغان يېرى، ساپىقى.

بەن

  • بەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] پەيدىن كىچىك بولغان ھەربىي بۆلۈنمە؛ تەشكىل:[مىسال:] بىر بەن ئەسكەر.

بەنجاڭ

  • بەنجاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] پەيدىن كىچىك بولغان ھەربىي بۆلۈنمىنىڭ باشلىقى، يېتەكچىسى.

بەنجاڭلىق

  • بەنجاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەنجاڭغا يۈكلەنگەن ئىش، ۋەزىپە:[مىسال:] بەنجاڭلىق قىلماق.

بەندⅠ

  • بەندⅠ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېكىتىلگەن، مىخلانغان جاي:[مىسال:]

  • چىن ئاشىقلار چاقار قەپەس بەندىنى،

  • ئىشەنگىن ئەي قەمەرشاھ دەردىڭ تۈگەيدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باغلاق، سولاق، تۈگۈن، تۇزاق، قاپقان:[مىسال:]

  • يا بىر يامان دەردكە قالدى،

  • ياكى ئۇنى بەندكە سالدى،

  • يا زىندانغا سولاپ ئالدى،

  • نە بولدى يارىم كەلمىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەسىرلىك، تۇتقۇنلۇق ھالىتى:[مىسال:] مەن پۇت-قولۇم ئازادە بولغىنى بىلەن قەلبىم بەند قىلىنغان، كىشەنلەنگەن ئادەممەن...[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل، بوش ئەمەس:[مىسال:] ئۇ جىددىي ئىش بىلەن بەند ئىدى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە بېرىلگەنلىك، مەپتۇنلۇق ياكى ئۇنىڭ تەسىرىگە ئېلىنغانلىق:[مىسال:] تەسىرلىك ئىسكىرىپكا كۈيلىرى يەنىلا مېنى بەند قىلالمىدى.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باغلانغان، مۇپتىلا بولغان:[مىسال:]

  • ئەي جاپا دەستىدە سەرگەردان يىگىت،

  • نەدىسەن، تۆھمەتكە بەند، قۇربان يىگىت

بەندⅡ

  • بەندⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] قاپىيە، رىتىم ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ئۆزئارا باغلانغان شېئىرىي پارچە:[مىسال:] بىر بەند شېئىر.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] مۇزىكا ئەسىرى ياكى ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر قىسمى.

بەندە

  • بەندە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىنىي ئېتىقاد بويىچە خۇداغا ئىشەنگەن ۋە ئۆز ئىختىيارى ھەم تەقدىرى خۇدانىڭ ئىلكىدە بولغان ئادەم، خۇدانىڭ قۇلى:[مىسال:] ئاغىنىلەر، خۇدايىم بەندەمنى كەچ قويسام قويارمەن، ئاچ قويماسمەن دەپتىكەن، قانداقلا بولمىسۇن قونالغۇغا كېلىۋالدۇق.[يەشمىسى:] ② (جانلىقلارغا نىسبەتەن) ئادەم، كىشى:[مىسال:] مۆمىن بەندە.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەستانە، ئاشىق:[مىسال:] كىتاب بەندىسى.

بەندەر

  • بەندەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① سودا بازارلىرىدىكى كوچىلارنىڭ كېسىشكەن دوقمۇشى.[يەشمىسى:] ② يول ئۈستىدىكى ئاچال ۋە قونالغۇ ئورۇنلاشقان جاي:[مىسال:] ئۇلار پاراڭلىشىپ، ئاچا يولنىڭ بەندىرىگە كېلىپ قالدى.

بەندەرگاھ

  • بەندەرگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كوچا-رەستىلەردىكى سودا-تىجارەت ئورۇنلىرى. [يەشمىسى:] ② يول ئۈستىدىكى ئۆتەڭ-قونالغۇلار جايلاشقان ئاچال.

بەندىچىلىك

  • بەندىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بەندىلەر قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەت، ئىش-ھەرىكەت:[مىسال:] خۇداغا ھالاللىق بىلەن ئاتمىش يىل بەندىچىلىك قىلدىم.[يەشمىسى:] ② ئىقتىدارسىزلىق، موھتاجلىق:[مىسال:] پېقىر بەندىچىلىكتە ئۆزلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا ئۇقۇشماي كىرىپ قېلىپتىمەن.

بەندىڭ

  • بەندىڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئورۇندۇق.

بەنزە

  • بەنزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] مەلۇم بىر ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن قۇرۇلغان تەشكىل:[مىسال:] رەھبەرلىك بەنزە.

بەھر

  • بەھر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئارۇز ۋەزنىنىڭ ھەربىر تۈرى.

بەھەيۋەت

  • بەھەيۋەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ناھايىتى كاتتا، زور، چوڭ:[مىسال:] بەھەيۋەت تاغلار.[يەشمىسى:] ② ھەيۋەتلىك، ھەيۋىتى قالتىس:[مىسال:] بەھەيۋەت دىۋە.

بەھرە

  • بەھرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① پايدا، مەنپەئەت، نەپ:[مىسال:] بەھرە بەرمەك.[يەشمىسى:] ② لەززەت، مەززە، ھۇزۇر:[مىسال:] بەھرە ئالماق.

بەھرەيىن

  • بەھرەيىن[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] بەھرەيىن دۆلىتى قاتار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ئارىلىقىدىكى پارىس قولتۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، بەھرەيىن ئارىلى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى بەزى كىچىك ئاراللاردىن تۈزۈلگەن. يەر مەيدانى 622 كۇۋادىرات كېلومېتىر بولۇپ، ئەرەبلەر دۆلەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %70تىنى، قالغىنىنى ئىرانلىقلار، ھېندىستانلىقلار، پاكىستانلىقلار، ئەنگلىيىلىكلەر ۋە ئامېرىكىلىقلار تەشكىل قىلىدۇ. ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ، ئىنگلىز تىلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇنىڭ %25تىنى سۈنئىي مەزھىپى، %75تىنى شىئە مەزھىپى ئىگىلەيدۇ.

  • بەھرەيىن ئارىلىدا مىلادىدىن 3000 يىل بۇرۇنلا شەھەر قۇرۇلغان. مىلادى Ⅶ ئەسىردە ئەرەب ئېمپرىيىسى بەسرە ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 1507~1602- يىللىرى پورتۇيگالىيىلىكلەر بېسىۋالغان بولۇپ، 1780-يىلى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 1820-يىلى ئەنگلىيە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 1971-يىلى 3-ئايدا ئەنگلىيە پارىس قولتۇقى خەلپىلىكلىرى بىلەن ئىمزالىغان بارلىق شەرتنامىلىرىنىڭ شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا كۈچتىن قالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بەھرەيىن 1971-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، 12-ئاينىڭ 16-كۈنىنى دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن (بۇ كۈن ئەمىرنىڭ تەخىتتە ئولتۇرغان كۈنى). 1989-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.

  • بەھرەيىننىڭ نېفىت زاپىسى 21 مىليون 230 مىڭ توننا، تەبىئىي گاز زاپىسى 201 مىليارت كۇپ مېتىر بولۇپ، دېڭىز بويىدىن يەنە مەرۋايىت ئېلىنىدۇ. بەھرەيىن ئىقتىسادتا نېفىتنى ئاساس قىلىدۇ. نېفىت كىرىمى دۆلەت كىرىمىنىڭ 2/1 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا بەھرەيىندە ئوتتۇرا شەرق بويىچە ئەڭ چوڭ ئاليۇمىن تاۋلاش زاۋۇدى بار. بەھرەيىننىڭ تۇپرىقى مۇنبەت.

  • ئاسالىق شەھىرى پايتەخت مانامى شەھرى. ئۇ مۇھىم نېفىت پورتى ۋە نېفىت چەككىلەش مەركىزى بولۇپ، مەشھۇر خەلقئارالىق پۇل-مۇئامىلە مەزكىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن 60 مىليارت ئامېرىكا دوللېرىلىق بانكا كاپىتالىغا ئىگە.

بەھرىسىز

  • بەھرىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پايدا، مەنپەئەت ئېلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولغان:[مىسال:] باھاردىن بەھرىسىز كەتكەن چېۋەر ئوغۇلنى ئەسلەيمەن.[يەشمىسى:] ② بەھرىسى، مەنپەئىتى يوق:[مىسال:]

  • ئوغۇل-قىزلار باغۋەن بولسۇن ئەل ئۈچۈن،

  • بۇ دەرەخنى قالدۇرمىسۇن بەھرىسىز.

بەھرىلەندۈرمەك

  • بەھرىلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «بەھرىلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئېلېكتر چىراغلىرى ئۆزىگە خاس نۇرىدىن يولۇچىلارنى بەھرىلەندۈرۈپ تۇراتتى.

بەھرىلەنمەك

  • بەھرىلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بەھرىمەن بولماق:[مىسال:] قۇياش نۇرىدىن بەھرىلەنمەك.[يەشمىسى:] ② لەززەت ئالماق؛ مەززە، ھۇزۇر قىلماق:[مىسال:] ئۇ كۈنلەردىن بىر كۈنى بېغىنى ئارىلاپ، ئۇنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن بەھرىلىنىپ سەيلە قىپتۇ.

بەھرىلىك

  • بەھرىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەھرە ئالغان، بەھرىلەنگەن.

بەھرىمەن

  • بەھرىمەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بەھرە ئالغان. بەھرە ئالغۇچى:[مىسال:] مانا بۈگۈن بۇ يەردىن كەنت ئەزالىرى بەھرىمەن.

بەھرىمەنلىك

  • بەھرىمەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەھرە ئېلىش، ھۇزۇرلىنىش.

بەھمەن

  • بەھمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بەھمەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ قان توختىتىش، تۇرۇپ قالغان قاننى تارقىتىش رولى بار.

بەھۇزۇر

  • بەھۇزۇر[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھۇزۇرلىنىپ، راھەتلىنىپ، بىمالال:[مىسال:] ئۇ كېچىچە دادىسى بىلەن بەھۇزۇر مۇڭدىشىدۇ.[يەشمىسى:] ② توسقۇنسىز، پەرۋا قىلماي، خاتىرجەم:[مىسال:] بەھۇزۇر ئوينىماق.

بەۋا

  • بەۋا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مۇۋاپىق، لايىق، تەڭ:[مىسال:] بەۋا كەلمەك.

بەيئەت

  • بەيئەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ۋەدە بېرىپ ئەل بولۇش، تەۋەلىكىگە ئۆتۈش:[مىسال:] بەيئىتىنى قوبۇل قىلماق. بەيئەت قىلماق.

بەيتۇللا

  • بەيتۇللا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «ئاللانىڭ ئۆيى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مەككە ئىسلام دىنىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغاندىن كېيىن كەبىگە بېرىلگەن نام، يەنى كەبە.

بەيتۇلمال

  • بەيتۇلمال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] دۆلەت خەزىنىسى، خەزىنە.

بەيتۇلمۇقەددەس

  • بەيتۇلمۇقەددەس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سۆز مەنىسى «مۇقەددەس ئۆي» بولۇپ، قۇددۇس (ئېرۇسالىم) شەھىرىمۇ شۇ نام بىلەن ئاتالغان. [يەشمىسى:] ② مۇسۇلمانلارنىڭ قۇددۇس شەھىرىدىكى مەشھۇر مەسچىتى، يەنى ئاقسا مەسچىتى.

بەيزۇ

  • بەيزۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن يۈننەن ئەتراپىغا جايلاشقان.

بەيزى

  • بەيزى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] خان تەرىپىدىن گۇڭغا ئىزباسار قىلىپ بېكىتىلگەن ئەمەل ۋە شۇ ئەمەلگە تەيىنلەنگەن كىشى. ئۇ ۋاڭ بولغان مەزگىللەردىمۇ ئوردا ئىشىغا قاتنىشىدۇ.

بەيگە

  • بەيگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① ئات چاپتۇرۇش مۇسابىقىسى:[مىسال:] ئات بەيگىسى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇسابىقە، بەسلىشىش:[مىسال:]

  • كېلىڭلار بەيگىگە دوستلار،

  • سىنايلى جەڭدە غەيرەتنى،

  • جاسارەتنى كۆرەك ئەيلەپ،

  • تەشەككۇر مۇنبىرى كەلدى.

بەيگىلىك

  • بەيگىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئات بەيگىسى ئۆتكۈزۈشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان، لايىق (مەيدان، جاي ھەققىدە):[مىسال:] بىر بەيگىلىك يەرگە ئۆستەڭمۇ ئېلىنغانۇ، لېكىن ئۇنى ياۋا چوشقىلار بىرلا كېچىدە تىلغاپ تىندۇرۇۋەتكەن.

بەينەلمىلەل

  • بەينەلمىلەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] خەلقئارا، ئىنتېرناتسىئونال.

بەيىنسېرىق

  • بەيىنسېرىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يوپۇرماق ۋە غوللىرى سېرىق ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك. توپلىشىپ ئۆسىدۇ؛ سېرىق چېچەكلەيدۇ؛ مال بەك يەيدۇ.

براخما

  • براخما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]سانسىكىرتچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ھىندىلارنىڭ دىنىي چۈشەنچىسىدە بارلىقنى ياراتقۇچى، تەڭرى، خۇدا.

براخمان

  • براخمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]سانسىكىرتچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① براخما دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى. [يەشمىسى:] ② ھىندىستاندىكى براخما دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئەڭ يۇقىرى بىر تەبىقە.

براخمانىزم

  • براخمانىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]سانسىكىرتچە+رۇسچە[[يەشمىسى:] براخمان دىنى.

براشۇرا

  • براشۇرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مەتبۇئاتچىلىق<[يەشمىسى:] كىچىك كىتاب، كىتابچە؛ رىسالە.

بروم

  • بروم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتاللوئىد ئېلېمېنت، بەلگىسى (Bromium) Br. توق قوڭۇر رەڭدىكى تۈتۈنلۈك سۇيۇقلۇق؛ تەسىر قىلغۇچى ئۆتكۈر پۇراققا ئىگە؛ خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى بىر قەدەر ئاكتىپ بولۇپ، كۆپ ئېلېمېنتلار بىلەن بىۋاسىتە بىرىكەلەيدۇ؛ تېرىنى قاتتىق چىرىتىش رولىنى ئوينايدۇ؛ سانائەتتە بوياق ئىشلەپچىقىرىشتا قوللىنىلىدۇ؛ خىمىيىۋى بىرىكمىسى تىنچلاندۇرۇش دورىسى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.

برونزا

  • برونزا[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىسنىڭ قوغۇشۇن، قەلەي، ئاليۇمىن قاتارلىقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇلغان قېتىشمىسى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شۇ قېتىشمىدىن ياسالغان تۈرلۈك قورال-جابدۇقلار.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] (ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى) كىشىلەر برونزىدىن ياسالغان قورال-جابدۇقلارنى ئىشلىتىشنى بىلگەن ھەم برونزا قوراللارنى ئىشلەتكەن:[مىسال:] برونزا دەۋرى.

برونې

  • برونې[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي پاراخوت ياكى برونېۋىكلارغا ئوق ئۆتمەسلىك ئۈچۈن سىرتىدىن قاپلىنىدىغان پولات ياكى باشقا قاتتىق مېتال.

برونېۋىك

  • برونېۋىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] برونې بىلەن قاپلانغان ھەربىي ئاپتوموبىل ياكى پويىز.

برۇتسېلليۇز

  • برۇتسېلليۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل، كېسەل قوزغاتقۇچىسى برۇتسېلليۇز تاياقچە باكتېرىيىسى. ئۇ ئۆچكە، كالا، قوي، چوشقا قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ بالا تاشلاش كېسىلى بولۇپ، نەسىللىنىش ئەزالىرىنىڭ ياللۇغلىنىشى، بالا تاشلاش، تۇغماسلىق ۋە باشقا ئەزالارنىڭ ياللۇغلىنىشى قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

برېزېنت

  • برېزېنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گوللاندچە[[يەشمىسى:] سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان، كەندىر ياكى پاختا تالاسىنى پىششىقلاش ئارقىلىق توقۇلغان قېلىن بىر خىل ماتا. كۆپىنچە بىر نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە يېپىش ياكى ئاشلىق قاچىلايدىغان قاپ-تاغار تەييارلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

برىليانت

  • برىليانت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] كېسىلىپ، تاراچلىنىپ، ھەر خىل شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن، ئۈستىگە ھەل بېرىلگەن ئالماس.

بلىنداژ

  • بلىنداژ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئۇرۇش مەيدانلىرىدا يەرنى قېزىپ تەييارلىغان ھەربىي ئىستىھكام ياكى گازارما.

بوپا

  • بوپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① رەخت، قەغەز قاتارلىق نەرسىلەرگە ئوراپ، تېڭىلغان، چىگىلگەن تۈگۈنچە، يۈك:[مىسال:] رەخت ساتقۇچى سېرىق قەغەزگە ئورالغان يوغان بىر بوپىنى ئالدىدىكى كىشىگە ئۇزاتتى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆڭۈلدىكى ئەندىشە، ھاجەتسىز غەم-غۇسسە:[مىسال:] ئىدىيىۋى بوپا.

بوپىلاتماق

  • بوپىلاتماق[يەشمىسى:] «بوپىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] خوجايىن خىزمەتچىسىگە كىيىم-كېچەك ۋە باشقا يۈكلىرىنى چوڭ-چوڭ قىلىپ بوپىلاتتى.

بوپىلاشماق

  • بوپىلاشماق[يەشمىسى:] «بوپىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەزالار دۈركىرەپ يوتقان-كۆرپىلىرىنى بوپىلىشىپ، كۆتۈرۈشۈپ چىقىشتى.

بوپىلانماق

  • بوپىلانماق[يەشمىسى:] «بوپىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يولداش، ئاشۇ قىزىل قەغەزگە بوپىلانغان يۇڭ يىپلارنى ئېلىڭ.

بوپىلىق

  • بوپىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بوپا قىلىنغان، بوپىلانغان:[مىسال:] چوڭ بوپىلىق يۇڭ.[يەشمىسى:] ② بوپىلاشقا مۇۋاپىق، لايىق:[مىسال:] مەن ئەتە كىتابلارنى پوچتىدىن سېلىۋەتمەكچى، ئۇنى ئوراش ئۈچۈن سەن بىر قانچە بوپىلىق قەغەز ئەكەلگىن.

بوپىلىماق

  • بوپىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] رەخت، قەغەز قاتارلىقلار بىلەن بوپا-بوپا قىلىپ ئوراپ تاڭماق:[مىسال:] بىر كېچىسى نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ ئۆيىگە ئوغرى كىرىپ بار-يوقىنى بوپىلاپ كۆتۈرۈپ مېڭىپتۇ.

بوتاⅠ

  • بوتاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆگىنىڭ بالىسى، بوتىلاق.

بوتاⅡ

  • بوتاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① ھاۋانچا تېشى. [يەشمىسى:] ② زەرگەرلىك دۇكانلىرىدا مېتال ئېرىتىش ئۈچۈن چوقىدىن ياسالغان رومكا شەكىللىك كىچىك قاچا؛ چاناق.

بوتانىكا

  • بوتانىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈزۈلۈشى، ئۆسۈشى ۋە ھاياتىي رولىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى؛ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى، تەدرىجىي تەرەققىياتى، تارقىلىشى ۋە ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

بوتقا

  • بوتقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تويدا قىزنى كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن ھاردۇق سوراش يۈزىسىدىن گۈرۈچ، ماي، گۆش قاتارلىقلار بىلەن ئېتىلىدىغان بىر خىل تاماق.

بوتقاش

  • بوتقاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بوتقا+ئاش[[يەشمىسى:] «بوتقا»غا قاراڭ:[مىسال:] پاتەمخان: − ھازىر ھەممىسى بوتقاش ئىچىشىۋاتىدۇ، − دېدى.

بوتكىلىق

  • بوتكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بوتكىسى بار، بوتكا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

بوتۇڭ

  • بوتۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① كونا جەمئىيەتتە ئېكسپىلاتاتسىيىچىلەر تەرىپىدىن ئىشچىلار ۋە ئەمگەكچىلەرنى باشقۇرۇپ ئىشقا سېلىشقا بەلگىلەنگەن كىشى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم بىر ئىشنى كۆتۈرە ئېلىپ ئەمگەك كۈچى ياللىغۇچى شەخس.

بوتۇڭلۇق

  • بوتۇڭلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر ئىشنى كۆتۈرە ئېلىپ ئەمگەك كۈچى ياللاش:[مىسال:] بوتۇڭلۇقمۇ ئىشمۇ، دېدى ئۇلاردىن بىرى.

بوتۇلكا

  • بوتۇلكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئەينەكتىن ياسالغان بوغۇزى تار شېشە.

بوتۇلكىلىق

  • بوتۇلكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بوتۇلكىسى بار، بوتۇلكىغا قاچىلانغان:[مىسال:] ئەسەت چوڭ بوتۇلكىلىق ھاراقتىن ئىككىنى ئالدى.

بوتى

  • بوتى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئاياللار ۋە بالىلار كىيىدىغان قىسقا قونچلۇق، قونچىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ۋە بوغقۇچلايدىغان جايىغا تېرە تۇتۇلغان قىشلىق بەتىنكە.

بوتىچاق

  • بوتىچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «بوتىلاق»قا قاراڭ.

بوتىلاتماق

  • بوتىلاتماق[يەشمىسى:] «بوتىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بوتىلاق

  • بوتىلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆگىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىسى.

بوتىلىماق

  • بوتىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۇغماق، تايلاقلىماق (تۆگە ھەققىدە):[مىسال:] يىل ياخشى كەلگەنلىكتىن بۇ يىل قايماللار بالدۇر بوتىلاپ بولدى.

بوجا

  • بوجا[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھارۋىغا قوشقان ئىچ ئاتنىڭ يۈگىنىگە بېكىتىلگەن ئۇزۇن ئىككى تال تاسما.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاقلاپ قۇرۇتۇش ئۈچۈن تاسما قىلىپ تىلىنغان:[مىسال:] بوجا گۆش.

بوجاڭ

  • بوجاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] كونا جەمئىيەتتىكى يەرلىك مەمۇرىي ئەمەل ۋە شۇ ئەمەلگە ئىگە بولغان ئادەم. ئادەتتە يۈز ئۆيلۈك ئادەملەرنى باشقۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ «يۈزبېشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

بوجاڭلىق

  • بوجاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوجاڭغا يۈكلەنگەن ۋەزىپە، خىزمەت.

بوچى

  • بوچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ۋاڭغا تاماق تەييارلىغۇچى.

بوچىخانا

  • بوچىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋاڭغا تاماق ئېتىدىغان ئورۇن.

بوختاق

  • بوختاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھايۋانلارنىڭ قول ۋە پۇت ئىلىكلىرىنىڭ يۇقىرى قىسمى؛ يۇقىرىقى بىلەك، «ئارتقىمال» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

بوخولور

  • بوخولور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] شاپ.

بودا

  • بودا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تۆگە، كالا، ئات قاتارلىق چوڭ چارۋا؛ قارامال.

بوداتماق

  • بوداتماق[يەشمىسى:] «بودىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كەنت باشلىقى بوغالتىر قاتارلىق بىرقانچە كىشىگە بۇ ئوغۇتنىڭ قانچە تاغار كېلىدىغانلىقىنى بوداتتى.

بودارغان

  • بودارغان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] لويلا ئائىلىسىگە كىرىدىغان يېرىم چاتقال. قۇرغاق شورلۇق جايلاردا ئۆسىدۇ، شىنجاڭغا كەڭ تارقالغان.

بوداشماق

  • بوداشماق[يەشمىسى:] «بودىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قوينى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈشكەن ئىككى قاسساپ ئوتتۇز بەش كىلوگرام كەلگۈدەك دەپ بوداشتى.

بوداق

  • بوداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ مىقدارى، ھالىتى توغرىسىدا قىلىنغان مۆلچەر، پەرەز:[مىسال:] بوداق بوداققا كەلمەك.

بودالماق

  • بودالماق[يەشمىسى:] «بودىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى كىچىك مېۋىلىك باغ بوغالتىرنىڭ قەدەملەپ كۆرۈشىچە بەش پۇڭ بودالغانىدى.

بودەكⅠ

  • بودەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، مىسلارنى شار شەكلىگە كەلتۈرىدىغان قېلىپ.

بودەكⅡ

  • بودەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولغان، تولۇق ئەت ئالغان:[مىسال:] بودەك ئۈجمە.

بودەكشىمەك

  • بودەكشىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تولۇق ئەت ئالماق، تولماق:[مىسال:] سۇ ۋاقتىدا كىرگەچكە بۇغداي دانلىرى بودەكشىشكە باشلىدى.

بودولغۇ

  • بودولغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاقابىل.

بودىماق

  • بودىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پەرەز قىلماق، مۆلچەرلىمەك:[مىسال:] بوۋاي يىكلىرىنىڭ نەرخىنى قايتا بوداپ كۆرۈپ پىسىڭڭىدە كۈلدى.

بورⅠ

  • بورⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتاللوئىد ئېلېمېنت.كرىستال ئەمەسلىرى يۇمشاق ۋە پاراشوكقا ئوخشاشراق بولۇپ، يېشىل قوڭۇر رەڭدە، كرىستال ھالەتتىكىلىرى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، پارقىراق كېلىدۇ.

بورⅡ

  • بورⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ① كالتسىي كاربوناتنىڭ يەنى ھاك تاشنىڭ ئاق ۋە يۇمشاق بىر تۈرى. [يەشمىسى:] ② ھاك تاشنىڭ ئاق ۋە يۇمشاق تۈرىدىن ياسىلىدىغان ھەمدە دوسكىغا خەت يېزىشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل بۇيۇم.

بور دەۋرى

  • بور دەۋرى[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ھايات ئېراسىنىڭ ئۈچىنچى دەۋرى، تەخمىنەن 60 مىليون يىلغا سوزۇلغان.

بورا

  • بورا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاقلاپ يېرىلغان قومۇش ياكى چىغدىن توقۇلغان توقۇلما بۇيۇم.

بورات

  • بورات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بورات كىسلاتا. نىئورگانىك بىرىكمە، مولېكۇلا فورمۇلىسى H3 B O3. ئاق رەڭلىك كرىستال؛ بېلىق قاسىرىقى شەكلىدە بولىدۇ؛ سۇدىكى ئېرىتمىسى ئاجىز كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە؛ ئەينەك ۋە فارفور قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ؛ دورىگەرلىكتە دېزىنفېكسىيىلىگۈچى ۋە چىرىشتىن ساقلىغۇچى دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

بوران

  • بوران[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① توپا-چاڭ ئارىلاش چىققان شىددەتلىك شامال.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] داغدۇغا ۋە شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت:[مىسال:] ھە، ھەيران قېلىۋاتامسىز قانداق شامال بولاتتى، شامال ئەمەس، ئىنقىلاب بورىنى دە دېدى رەيھان كامىلغا.

بوران-چاپقۇن

  • بوران-چاپقۇن[يەشمىسى:] ① يامغۇر ئارىلاش چىققان قاتتىق بوران:[مىسال:] بىز قايتىپ كېلىۋېتىپ بوران-چاپقۇندا قالدۇق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] توسقۇنلۇق؛ قىيىنچىلىق، ئوڭۇشسىزلىق:[مىسال:] پەرھات دوستىغا سەمىمىي تەسەللى بېرىپ: تۇرمۇش بىز مەكتەپتە ئويلىغاندەك ئەمەس ئىكەن، بۇنىڭدىنمۇ قاتتىق بوران-چاپقۇنغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن، ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويساق بولمايدۇ، دېدى.

بوران-چاپقۇنلۇق

  • بوران-چاپقۇنلۇق[يەشمىسى:] بوران-چاپقۇنى بار، بوران-چاپقۇنغا تولغان:[مىسال:] ئەمدى ئىنقىلابنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق دەۋرى ئۆتۈپ كەتتى.

بورانقۇش

  • بورانقۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بوران+قۇش[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] تېنى قارلىغاچقا ئوخشايدىغان، ئېغىزى ئىلمەك، دائىم دېڭىز ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرۈپ بېلىق ۋە راك قاتارلىقلارنى يەيدىغان بىر خىل قۇش.

بورانلىق

  • بورانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بورىنى بار، بورانغا تولغان:[مىسال:] بورانلىق كېچە. * ئۇ يامغۇر ۋە بورانلىق تۈن قوينىدا غايىب بولدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كەسكىن، شىددەتلىك، كۈرەشكە تولغان:[مىسال:] بورانلىق يىللارنىڭ شائىر لاچىنى، كۆكسىدىن چېچىپ قان، كېلەچەككە پارلاق ئۈمىدلەرنى يېزىپ كەتتى.

بورداتماق

  • بورداتماق[يەشمىسى:] «بوردىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] باي ئۆزى بورداتقان ئىككى قوينىڭ بىرىنى قازىغا، يەنە بىرىنى يۈسۈپ بەگكە خۇپىيانە ھالدا ئاپىرىپ بەردى.

بورداشماق

  • بورداشماق[يەشمىسى:] «بوردىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يىل چارۋىچىلىق كەسپىي ئائىلىلىرى چارۋىلارنى ئەستايىدىل مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بورداشتى.

بورداق

  • بورداق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بېقىپ سەمرىتىلگەن؛ سېمىز:[مىسال:] سۇپىنىڭ بىر چېتىگە كانار ئورنىتىلغان بولۇپ، بورداق قوينىڭ گۆشى ئېسىقلىق تۇرۇپتۇ.

بورداقچى

  • بورداقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مال بورداپ ساتىدىغان، مال بورداشنى كەسىپ قىلغان كىشى.

بورداقچىلىق

  • بورداقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مال بورداش كەسپى، مال بورداپ سېتىش ئىشى.

بوردالماق

  • بوردالماق[يەشمىسى:] «بوردىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يىل فېرمىدا ئىككى قوتان قوي ۋە بىر قوتان ئۆكۈز بوردالدى.

بوردانماق

  • بوردانماق[يەشمىسى:] «بوردىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.

بوردۇ

  • بوردۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>دېھقانچىلىق<[يەشمىسى:] مىس سۇلفات، ھاك ۋە سۇ بىلەن ياسالغان دېھقانچىلىق دورىسى، زىرائەتلەرگە پۈركەلگەندە بىر قەۋەت نېپىز پەردە شەكلىدە قېتىۋېلىپ كېسەل مىكروبلىرىنىڭ ئۆسۈملۈك تېنىگە كېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

بوردىماق

  • بوردىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەخسۇس بېقىپ سەمرىتمەك:[مىسال:] ئەپەندىمنىڭ قوي بورداۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان مەھەللە بايلىرىنىڭ بالىلىرى ئەپەندىمنى ئالداپ قويىنى يەۋېلىشنى مەسلىھەتلىشىپتۇ.

بورسۇق

  • بورسۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تۈكلىرى ئومۇمەن كۈل رەڭ، قورساق بىلەن تۆت پۇتى قارا بولىدۇ، بارماق ئۇچىدا ئۇزۇن ۋە ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولىدۇ. توپا كولاشقا ماھىر، تاغ باغرىلىرىدا كامار كولاپ ياشايدۇ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىدۇ.

بورغۇل

  • بورغۇل[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاختەك تۈكى رەڭلىك (ئات ھەققىدە):[مىسال:] بورغۇل ئاتقا مىنىپ ناتونۇش بىر ئادەم كېلىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاختەك تۈكى رەڭلىك ئات:[مىسال:] ناسىر ئات ئېغىلىدىن ئېگەرلەكلىك بورغۇلنى يېتىلەپ چىقتى-دە، ھويلىدىن مىنىپ چىقىپ كەتتى.

بورلۇق

  • بورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بورى بار ياكى تەركىبىگە بور ئارىلاشقان.

بورۇن

  • بورۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] باشقا بىرىگە ۋاكالىتەن مەسئۇلىيەتنى ۋاقىتلىق ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچى؛ كېپىل:[مىسال:] ئۇلار قىزنى ئالماس ئۈچۈن بورۇنغا ئالماقچى بولۇشتى.

بورۇنلۇق

  • بورۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بورۇن بولۇش، كېپىللىك.

بورىچى

  • بورىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بورا توقۇش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى.

بورىچىلىق

  • بورىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بورا توقۇش ۋە سېتىش كەسپى:[مىسال:] بورىچىلىق قىلماق.

بورىقىياق

  • بورىقىياق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بورا+قىياق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قىياق ئائىلىسىگە كىرىدىغان، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. سۇدا ئۆسىدۇ؛ غولى ئۈچ قىرلىق، يوپۇرمىقى ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن، گۈلى يېشىل قوڭۇر رەڭدە؛ بورا توقۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.

بورىيا

  • بورىيا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە>پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] «بورا»غا قاراڭ:[مىسال:] ماڭغان دەريا، ياتقان بورىيا (ماقال).

بوزⅠ

  • بوزⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆككە مايىل ئاق رەڭ:[مىسال:] بوز ئات. بوز قوي. بوز ئېشەك.

بوزⅡ

  • بوزⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئېچىلمىغان، تېرىلمىغان، ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن:[مىسال:] بوز يەر. بوز توپا.∥ ئۇلار ناشتىدىن كېيىن گەمە ئارقىسىدا ئاچقان بىر پارچە بوزغا كەلدى.[يەشمىسى:] ② ئۆيلەنمىگەن، تۇرمۇش تەجرىبىسى كەم، چېنىقمىغان:[مىسال:] بوز يىگىت.

بوزا

  • بوزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرىق، ئارپا قاتارلىق ئاشلىقلاردىن ياسىلىدىغان، كەيپ قىلىش رولىغا ئىگە بىر خىل ئىچىملىك.

بوزارتماق

  • بوزارتماق[يەشمىسى:] «بوزارماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بوزارتىلماق

  • بوزارتىلماق[يەشمىسى:] «بوزارتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بوزارماق

  • بوزارماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] رەڭگى ئۆزگىرىپ بوز ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] مەستۈرە بوزىرىپ كەتكەن كۆك بوغچىسىنى ئۆيدىن ئىزدەپ ئاران تاپتى.

بوزاڭ

  • بوزاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بوزارغان، بوز ھالەتتىكى:[مىسال:] بوزاڭ توپا. * ئالەم بوزاڭ تۇرىدىغۇ؟

بوزاڭلاشماق

  • بوزاڭلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بوزارغان ھالەتتىكى رەڭ ياكى تۈسكە كەلمەك:[مىسال:] ھاۋا بوزاڭلاشتى.

بوزەك

  • بوزەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلارغا تاقابىل تۇرالمايدىغان، قارشىلىق قىلىش ئىقتىدارى كەم؛ باشقىلارنىڭ خورلىشى، كەمسىتىشىگە ئۇچرىغان، ئانىي:[مىسال:] بوزەك بولماق. بوزەك قىلماق. ∥ بوزەكنى بوزەك ئەتمىسەڭ، قىيامەتتە سورىقى بار (ماقال).

بوزەكلىك

  • بوزەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوزەك بولۇش:[مىسال:] بەك ياۋاشلىق ئادەتتە بوزەكلىكمۇ بولۇپ قالىدىكەن.

بوزتىكەن

  • بوزتىكەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بوز+تىكەن[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىدە ئاق سۈت بار؛ غولى تىك، تۈكسىز، سىلىق كېلىدۇ، گىرۋىكىدە تىكەنلىك چىشلىرى بولىدۇ؛ پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىسسىقنى تارقىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش، تۇرۇپ قالغان قاننى ماڭدۇرۇش ۋە يىرىڭنى چىقىرىپ غەلۋىرەكنى ساقايتىش رولى بار.

بوزقىيا

  • بوزقىيا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بوز+قىيا[[يەشمىسى:] تۇمانلىق سوغۇق كۈنلەردە دەرەخ شاخلىرى ياكى سىم تاناب ۋە شۇ قاتارلىق بوشلۇقتا ئېسىلىپ تۇرغان نەرسىلەرگە چۈشكەن قىرو.

بوزلاتماق

  • بوزلاتماق[يەشمىسى:] «بوزلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تۆگىنى بوزلاتماق.

بوزلاشماق

  • بوزلاشماق[يەشمىسى:] «بوزلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يىراقتىن تۆگىلەرنىڭ بوزلاشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

بوزلۇق

  • بوزلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوز يەر، بوز توپا كۆپ يەر:[مىسال:] تېببىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بوزلۇقتىكى يېڭى يولدىن غۇيۇلداپ يۈرۈپ كەتتى.

بوزلىماق

  • بوزلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ھىڭگان (چىشى تۆگە)نىڭ تايلىقىنى، تايلاقنىڭ ئانىسىنى سېغىنغان ۋاقتىدا چىقارغان ئاۋازى ھەققىدە ئېيتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاۋاز چىقىرىپ يىغلىماق، نالە قىلماق:[مىسال:] كېيىن ئۇ بالا جىنازىغا ئۆزىنى ئېتىپ شۇنداق بوزلىدىكى، ئۇنىڭ مىسكىن زارىدىن يەر يېرىلىپ، تاغۇتاشلار ئېرىپ كەتكۈدەك بولدى.

بوزۇن

  • بوزۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ھىندىچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىشتىكى ھەرىكەت مىقدارى مومېنتى [SX(]1[]2[SX)],[SX(]h[]2n[SX)] نىڭ جۈپ ھەسسىسىگە باراۋەر بولغان مىكرو زەررىچە.

بوزىچى

  • بوزىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوزا تەييارلاش ۋە ئۇنى سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى:[مىسال:] بوزىچى ھالۋىچى بولسا كۆزىنى چاپاق بېسىپتۇ. (ماقال)

بوزىچىلىق

  • بوزىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوزا تەييارلاش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى، كەسپى.

بوزىخانا

  • بوزىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوزا سېتىلىدىغان ۋە بوزا ئىچىلىدىغان جاي.

بوزىرىشماق

  • بوزىرىشماق[يەشمىسى:] «بوزارماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بوسە

  • بوسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] سۆيۈش:[مىسال:] خۇددى يارى پەرىزاتنى كۆرگەندەك. ئۇنى بوسە قىلىپ كۈچ-مادار تاپقاندەك بوپتۇ.

بوستان

  • بوستان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دەل-دەرەخ ۋە يېشىللىققا تولغان جاي، باغ:[مىسال:] ئىچكىلى مېھرىڭ سۈيىنى سەن تامان ئۇچقاندا مەن، ئۆز ئانام قوينىنى تاپتىم بۇ گۈزەل بوستاندا مەن.

بوستانلاشتۇرماق

  • بوستانلاشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باغ-بوستانغا ئايلاندۇرماق:[مىسال:] ھەر يىلى كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش ئارقىلىق بۇ چۆللەرنى بوستانلاشتۇرۇش ھازىرقى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى.

بوستانلاشماق

  • بوستانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بوستانغا ئايلانماق، يېشىللىققا پۈركەنمەك.

بوستانلىق

  • بوستانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باغۇبوستانلار بىلەن قاپلانغان ئاۋات يەر:[مىسال:] تارىم بوستانلىقى.

بوسو

  • بوسو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] «سومەن»گە قاراڭ.

بوسۇت

  • بوسۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تويدا ئادەمگەرچىلىك يۈزىسىدىن قويىدىغان سوۋغا-سالام:[مىسال:] توي بوسۇتى.

بوسۇتلۇق

  • بوسۇتلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تويدىكى سوۋغا-سالام ئۈچۈن تەييارلانغان، سوۋغاتلىق.

بوسۇغا

  • بوسۇغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىشىك، دەرۋازا كېشەكلىرىنىڭ ئاستىغا قويۇلغان توغرا ياغاچ ياكى خىش، تاش، سېمونت قاتارلىقلاردىن قىلىنغان توسما:[مىسال:] ئەكبەر كەنت ئىشخانىسىغا كىرىۋېتىپ بوسۇغىدا توختاپ قالدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆي، قورۇنىڭ ئالدى:[مىسال:] بۇ ئىككى ئەۋلاد ئەلمىساقتىن تارتىپ ياتقا قىز بەرمەيدىغان، ياتنى بوسۇغىسىغا يولاتمايدىغان كىشىلەر ئىدى.[يەشمىسى:] ③ [مىسال:] [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] شەھەر، يېزا-قىشلاقلارغا كىرىشتىكى ئەڭ يېقىن جاي:[مىسال:] − ئاپلا... دۈشمەن بىزنىڭ بوسۇغىمىزدىلا يۈرۈپتۇ-دە، − دېدى كامال ۋە ئالدىراپ باتۇر تەرەپكە كەتتى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسە، ئىش-ھەرىكەت، ۋەقە ياكى ھادىسىنىڭ باشلىنىشىغا يېقىن قالغان پەيت؛ باشلىنىشى، كىرىش قىسمى:[مىسال:] بۇ ئايالنىڭ بالىسى ئۆلۈم بوسۇغىسىغا كېلىپ قاپتۇ.[يەشمىسى:] ⑤ ئۆستەڭ، ئېرىقلاردىكى زاكۇ، ئازما، سەكرەتمىلەرنىڭ تاختاي بىلەن سۇنى توسقاندا تاختايغا ھىملىشىپ تۇرىدىغان ياغاچتىن ياكى سېمونتتىن تەييارلانغان تاپان:[مىسال:] ئازمىنىڭ بوسۇغىسى.

بوسۇغىسى ئېگىز

  • بوسۇغىسى ئېگىز[يەشمىسى:] ھالى چوڭ، ئۆزىنى باشقىلاردىن يۇقىرى تۇتىدىغان:[مىسال:] ئۇلارنىڭ بوسۇغىسى ئېگىز، بىز كىرەلمەيمىز دېگىنە، دېدى ئىسمائىل غەمكىن ئولتۇرغان دوستى ئىبراھىمغا.

بوسۇغىلىق

  • بوسۇغىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بوسۇغىسى بار، بوسۇغا ئورنىتىلغان.[يەشمىسى:] ② بوسۇغا قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان؛ بوسۇغا قىلىشقا بولىدىغان: بوسۇغىلىق ياغاچ.

بوسۇقⅠ

  • بوسۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بوسۇغا.

بوسۇقⅡ

  • بوسۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بوغۇرساق.

بوسۇنچۇق

  • بوسۇنچۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بوزەك، ئانىي.

بوش

  • بوش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئىچىدە ھېچ نەرسە يوق؛ قۇرۇق:[مىسال:] بوش قاچا، بوش تاغار.[يەشمىسى:] ② ئادەم ياكى نەرسىدىن خالىي، ئىگىلەنمىگەن؛ بىكار:[مىسال:] بوش ئورۇندۇق. *− مۇئەللىم، بىزنىڭ ئىككى ئېغىز ئۆيىمىز پۈتۈنلەي بوش تۇرۇۋاتىدۇ. شۇ ئۆيگە كۆچۈپ كېلەمدىلا؟ − دېدى مېھراي مۇئەللىمگە سەمىمىي ئىلتىماس قىلىپ.[يەشمىسى:] ④ ئىش، خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولمىغان؛ ئىشتىن خالىي، بىكار:[مىسال:] بالىمىز بوش ۋاقىتلىرىدا مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ياساپ ئوينىسا، زېھنى ئېچىلىدۇ ئەمەسمۇ دېدى سېلىم ئاكا ئايالىغا.[يەشمىسى:] ⑤ ئاسان ئۈزۈلۈپ، يىرتىلىپ، سونۇپ كېتىدىغان، پۇختا ئەمەس:[مىسال:] بوش يىپ. بوش كېسەك.[يەشمىسى:] ⑥ كۈچسىز، زەئىپ، ئاستا، سۇس:[مىسال:] بوش ئاۋاز. بوش شامال. * ياتاقنىڭ ئىشىكى بوش چېكىلدى.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاتتىق قول، تەلەپچان ئەمەس، بوشاڭ:[مىسال:] بوش رەھبەر. * تۇرسۇنمۇ بوش يىگىت ئەمەس، قىزلارغا قانداق كۆرۈنۈشنى بىلىدۇ.[يەشمىسى:] ⑧ يېتەرلىك ئەمەس، كەم:[مىسال:] زاھىر خەنزۇچىدا بوشراق ئىدى.[يەشمىسى:] ⑨ قىزغىن ئەمەس، سۇس:[مىسال:] دادىسى بىر-ئىككى قېتىم بوشقىنا كايىپ قويدى.

بوشاتماق

  • بوشاتماق[يەشمىسى:] «بوشىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆي بوشاتماق. قولىنى بوشاتماق.

بوشاشتۇرماق

  • بوشاشتۇرماق[يەشمىسى:] «بوشاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا قانداقمۇ جىددىيلىكنى بوشاشتۇرغىلى بولسۇن.

بوشاشماق

  • بوشاشماق[يەشمىسى:] ① «بوشىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② قاتتىقلىقىنى ۋە چىڭلىقىنى يوقاتماق:[مىسال:] تۇيۇقسىز باسقان سۇ ئاپىتىدىن تاملار بوشىشىپ ئۆرۈلۈشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ③ مادارىدىن كەتمەك، كۈچسىزلەنمەك، زەئىپلەشمەك:[مىسال:] − ساقسىز بولۇپ قالدىڭمۇ چىمەن؟ نەچچە كۈندىن بېرى بوشىشىپلا كەتتىڭغۇ؟

بوشاڭ

  • بوشاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشنى ئوڭشاپ قىلالمايدىغان؛ لايغەزەل، ئىرادىسىز:[مىسال:] بوشاڭ بالا. * يەنىلا بۇ كىچىك ئىش، لېكىن ئۇ مېنى ئۆزۈمگە قويغان تەلەپلىرىم ئالدىدا بوشاڭ كۆرسىتىدىغان ئىش.

بوشاڭلىق

  • بوشاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوشاڭ ھالەت، كەيپىيات:[مىسال:] بوشاڭلىق قىلماق.

بوشاندۇرماق

  • بوشاندۇرماق[يەشمىسى:] «بوشانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شۇنداقتىمۇ ئۇ قىزنى سالامەت بوشاندۇردى.

بوشانماق

  • بوشانماق[يەشمىسى:] ① «بوشىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] باغلاقتىن بوشانماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆز يورىماق، تۇغماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئايالى بوشانغىلى ئالتە ئايدىن ئاشتى.

بوشتىن-بوش

  • بوشتىن-بوش[يەشمىسى:] پۈتۈنلەي بوش، بەكلا بوش.

بوشلۇق

  • بوشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئەركىن-ئازادىلىك؛ بىكار:[مىسال:] ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلۇقى — پۇت-قولۇمنىڭ بوشلۇقى (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئەتراپى مەلۇم نەرسە بىلەن ئورالغان، ئىچى بوش، خالىي جاي:[مىسال:] دىماغ بوشلۇقى. ئېغىز بوشلۇقى.[يەشمىسى:] ③ زېمىندىن خالىي باشقا يۇلتۇزلار ئارىلىقىدىكى مۇساپىلار:[مىسال:] ئالەم بوشلۇقى. ئاسمان بوشلۇقى.[يەشمىسى:] ④ سۇسلۇق، بوشاڭلىق:[مىسال:] بۇ بالىنىڭ ئىشقا بوشلۇقىنى قانداق قىلارمىز.[يەشمىسى:] ⑤ بوش ياتقان يەر، جاي:[مىسال:] باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر كەڭ بوشلۇققا بىردەمدىلا نۇرغۇن بالىلار توپلاندى.[يەشمىسى:] ⑥ ماددىلار مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىر خىل ئوبيېكتىپ شەكلى. كەڭلىك، ئۇزۇنلۇق، ئېگىزلىك ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ⑦ تولۇقسىزلىق، كەملىك:[مىسال:] بۇ لۇغەت ئۇيغۇر لۇغەتچىلىكىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ.

بوشىتىلماق

  • بوشىتىلماق[يەشمىسى:] «بوشاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شەرىپە يېرىم سائەت ئىچىدە بەش خىل سەي قورۇپ ئەكىردى. بوتۇلكىلار ئارقا-ئارقىدىن بوشىتىلدى.

بوشىقى

  • بوشىقى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ۋاڭغا ئادەم چاقىرىدىغان، ۋاڭ بۇيرۇغان ئىشلارغا ماڭىدىغان كىشى.

بوشىماق

  • بوشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىگىلىگەن ۋە ئىشغال قىلغان نەرسىدىن خالىي بولماق:[مىسال:] ئۆي بوشىدى. يول بوشىدى.[يەشمىسى:] ② ئىشتىن، مەلۇم ھەرىكەتتىن چۈشمەك؛ بىكار بولماق:[مىسال:] ئىشىدىن بوشىماق.خىزمەتتىن بوشىماق. * گېپى گەپكە ئوخشىماس، ئاغزى گەپتىن بوشىماس (ماقال). * يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ قولى خېلى بوشايدۇ.[يەشمىسى:] ③ قۇتۇلماق، قۇتۇلۇپ چىقماق:[مىسال:] تۈرمىدىن بوشىماق.

بوغا

  • بوغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھارۋىغا قېتىلىدىغان ئات، ئېشەكنىڭ بوينىغا سېلىنىدىغان رەختتىن تەييارلانغان ھارۋا جابدۇقى؛ جىمبو.

بوغاز

  • بوغاز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قورسىقىدا بالىسى بار:[مىسال:] قىزنىڭ ئانىسى ئاخىر كېلىپ ئۆزىنىڭ بوغاز قويىدىن بىرىنى سويۇپتۇ.

بوغالتىر

  • بوغالتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مالىيە<[يەشمىسى:] ئىدارە-جەمئىيەت، كارخانا قاتارلىقلارنىڭ ھېساب-كىتاب ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغۇچى خادىم، ھېسابچى.

بوغالتىرلىق

  • بوغالتىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوغالتىرلار قىلىدىغان ئىش، ۋەزىپە، خىزمەت.

بوغالتىرىيە

  • بوغالتىرىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ھېساب-كىتاب نەزەرىيىسى ۋە ئىلمى.

بوغجۇما

  • بوغجۇما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىم-كېچەك ۋە كىيىملىك رەختلەرنى ئوراپ، تۈگۈپ قويۇلغان بوپا.

بوغجۇمىلاتماق

  • بوغجۇمىلاتماق[يەشمىسى:] «بوغجۇمىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۈۋىم تويلۇقلارنى بوغجۇمىلىتىپ قىزنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ ماڭدى.

بوغجۇمىلاشماق

  • بوغجۇمىلاشماق[يەشمىسى:] «بوغجۇمىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بوغجۇمىلانماق

  • بوغجۇمىلانماق[يەشمىسى:] «بوغجۇمىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يىگىتلەر ماللارنىڭ بوغجۇمىلانغانلىرىنى ئاستىغا بېسىپ تەپتەخ قىلىپ قويۇشتى.

بوغجۇمىلىق

  • بوغجۇمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بوغجۇما قىلىشقا لايىق، مۇۋاپىق؛ بوغجۇما بولغۇدەك:[مىسال:] سىڭلىم، بىر ئىككى بوغجۇمىلىق رەخت بارمىدۇ

بوغجۇمىلىماق

  • بوغجۇمىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنى ياغلىقلارغا تۈگۈپ بوغجۇما قىلماق.

بوغچا

  • بوغچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رەخت ياكى تېرىدىن تىكىلگەن، ئوقۇغۇچىلار دەپتەر-قەلەملىرىنى سالىدىغان، دولىغا ئاسىدىغان ياكى قولىدا كۆتۈرىدىغان خالتا:[مىسال:] بوغچىنى تۈنۈگۈن تىكىپ بەرسەم بۈگۈن يەنە يىرتىپسەنغۇ دېدى مەريەمخان ئاچا ئوغلىغا كايىپ.

بوغچىلىماق

  • بوغچىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بوغچا تەييارلىماق ياكى نەرسە-كېرەكلىرىنى بوغچىغا سېلىپ يىغماق.

بوغدۇرماق

  • بوغدۇرماق[يەشمىسى:] «بوغماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شياۋخۇانىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئوقۇشتىن چەكلەپ، مەجبۇرىي ھالدا ئۇنىڭ پۇتىنى بوغدۇرغانىدى.

بوغرۇل

  • بوغرۇل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قارىغا مايىل قىزىل:[مىسال:] بوغرۇل ئات.

بوغقۇچ

  • بوغقۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاپ-خالتىلارنىڭ ئېغىزىنى، بەتىنكە، توپلەيلەرنى، قۇش-ھايۋانلارنىڭ پۇت-قانىتىنى بوغۇشقا ئىشلىتىدىغان يىپ.

بوغقۇچلاتماق

  • بوغقۇچلاتماق[يەشمىسى:] «بوغقۇچلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بوغقۇچلانماق

  • بوغقۇچلانماق[يەشمىسى:] «بوغقۇچلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قانىتى بوغقۇچانلانغان كەپتەر.

بوغقۇچلىماق

  • بوغقۇچلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بوغقۇچ بىلەن بوغۇپ، چىگىپ بەند قىلماق:[مىسال:] بىر ئوۋچى قاپقان قۇرۇپ تۇتۇۋالغان بىر سېرىق جەرەننىڭ پۇت-قولىنى مەھكەم بوغقۇچلاپ، ئاتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېتىۋاتقانىكەن.

بوغماⅠ

  • بوغماⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بوغۇپ قويۇلغان ياكى پۈرۈپ قويۇلىدىغان، پۈرمىلىك:[مىسال:] بوغما ياقىلىق كۆڭلەك.

بوغماⅡ

  • بوغماⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل. كېسەل قوزغاتقۇچىسى بوغما تاياقچە باكتېرىيسى؛ ئادەتتە ياز ۋە كۈزدە كۆپرەك تارقىلىدۇ. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ پۈتۈن بەدىنى زەھەرلەنگەن بەزى ئاغرىقلارنىڭ ئاۋازى پۈتۈپ قالىدۇ. بۇ خىل كېسەل بەزىدە يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ ياللۇغلىنىشى ۋە پالەچ كېسەللىكىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بوغماقⅠ

  • بوغماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قاتتىق يىغىپ سىقماق؛ سىقىپ باغلىماق:[مىسال:] گېلىنى بوغماق.[يەشمىسى:] ② مەلۇم ئارىلىقنى بىرەر توساق بىلەن تۇتاشتۇرۇپ توسماق:[مىسال:] دەريانى بوغماق. يول ئېغىزىنى بوغماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] توسقۇنلۇق قىلماق، ئۆسۈش، راۋاجلىنىش يولىنى توسماق:[مىسال:] ئۇ ئارۇپنىڭ ئاكتىپ، ئىلغار تەشەببۇسلىرىنى بوغۇپ، ياش كۈچلەرگە ھەدەپ زەربە بېرىۋاتقانلىقىغا چىدىيالمىدى.[يەشمىسى:] ④ گېلىدىن چىشلەپ ئۆلتۈرمەك:[مىسال:] بىچارىنى بىر نېمە بوغۇپ قويۇپتۇ-دە، دېدى ئايۇپ ئاكام.[يەشمىسى:] ⑤ خۇلاسىلىماق:[مىسال:] ھېسابنى بوغماق.

بوغماقⅡ

  • بوغماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① باغلاپ، تېڭىپ قويۇلغان:[مىسال:] ئاز پۇل ئەمەس-تە، تاراقلاپ تۇرىدىغان، ساپمۇساق تۆت بوغماق دەڭلا[يەشمىسى:] ② بوغۇم-بوغۇم قىلىنغان:[مىسال:] بوغماق ئۆلچەم خادىسى. بوغماق ئۈچەي. بوغماق يىلان.

بوغماقⅢ

  • بوغماقⅢ[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىلتاق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سېمىز، دوغىلاق.

بوغۇرساق

  • بوغۇرساق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوشراق بولدۇرغان، ماي، شېكەر ئارىلاشتۇرۇلغان خېمىردىن بارماقتەك توملۇقتا، ئىككى سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۈزۈپ ياغدا پىشۇرۇلىدىغان يېمەكلىك.

بوغۇزⅠ

  • بوغۇزⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئات-ئۇلاغلارنىڭ ئاشلىقتىن تەييارلانغان ئوزۇقلۇقى:[مىسال:] قالماق ئېتى بوغۇز يېمەس، بوغۇز يېسە توۋرا تېشەر (ماقال).

بوغۇزⅡ

  • بوغۇزⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئېغىز بوشلۇقىنىڭ قىزىلئۆڭگەچ ۋە كېكىردەك باشلانغان يېرى؛ يۇتقۇنچاق، گال.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەجەللىك جاي، ئۆلۈم گىردابىدىكى جاي:[مىسال:] جان بوغۇزىغا كەلمەك. [يەشمىسى:] ③ تۈرلۈك چۆگۈن، ئىدىش، قاپاق، ئاپتۇۋا قاتارلىقلارنىڭ ئاغزىدىن قورسىقىغىچە بولغان تار جايى.[يەشمىسى:] ④ ئىككى سۇ كۆلى ياكى دېڭىزنى تۇتاشتۇرغۇچى تار سۇ يولى:[مىسال:] تەيۋەن بوغۇزى.

بوغۇزخانا

  • بوغۇزخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇلاغلارنىڭ يېمەكلىكىنى ساقلايدىغان ئورۇن؛ ئامبار.

بوغۇزلاتماق

  • بوغۇزلاتماق[يەشمىسى:] «بوغۇزلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] توخۇنى بىرىگە بوغۇزلىتاي دەپ ماڭسام سەمەت قولۇمدىن تارتىۋېلىپ قويۇۋەتتى.

بوغۇزلاشماق

  • بوغۇزلاشماق[يەشمىسى:] «بوغۇزلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قوي بوغۇزلاشماق.

بوغۇزلانماق

  • بوغۇزلانماق[يەشمىسى:] «بوغۇزلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شاھزادە رومالنى ئېچىپ قارىغانىكەن، بوغۇزلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ناھايىتى چىرايلىق بىر ئايال چىقىپتۇ.

بوغۇزلۇقⅠ

  • بوغۇزلۇقⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھايۋانلارغا يەم-خەشەك قىلىشقا مۇۋاپىق ئاشلىق، ئوزۇقلۇق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يەم-خەشەك تاللىماي، ئىشتىھا بىلەن يەيدىغان (ھايۋان ھەققىدە):[مىسال:] بوغۇزلۇق ئات.

بوغۇزلۇقⅡ

  • بوغۇزلۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چارۋا ماللارنىڭ پىچاق سۈرىدىغان، بوغۇزلىنىدىغان جايى.

بوغۇزلىماق

  • بوغۇزلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بوغۇزىغا پىچاق سۈرمەك؛ ئۆلتۈرمەك:[مىسال:] سۇلايمان قوي سويىمەن دەپ كېچىدە موزىيىنى بوغۇزلىۋېتىپتۇ.

بوغۇشماق

  • بوغۇشماق[يەشمىسى:] ① «بوغماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى يىغقان ئوغۇتنى تاغارلىرىغا ئېلىشىپ، ئېغىزلىرىنى بوغۇشۇپ يەنە يۈدۈپ كېتىشتى.[يەشمىسى:] ② ياقا سىقىشىپ ئۇرۇشماق:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ، سايىمغا تاشلاندى، ئىككىسى بوغۇشۇپ كەتتى.

بوغۇق

  • بوغۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بوغۇلغان، بوغۇلۇپ، خىرىلداپ قالغان:[مىسال:] ئەپەندىم ھەم بوغۇق ھەم قوپال ئاۋاز بىلەن سايراشقا باشلاپتۇ.

بوغۇقلۇق

  • بوغۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بوغۇلغان، بوغۇپ قويۇلغان:[مىسال:] كەپتەرنىڭ قانىتى بوغۇقلۇق ئىكەن.

بوغۇلماق

  • بوغۇلماق[يەشمىسى:] ① «بوغماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئاغزى بوغۇلغان كالىدەك پۇشۇلداپ يۈرىسەنغۇ دېدى ئابلەت تۇرغۇنغا.[يەشمىسى:] ② خىرىلداپ نەپەس ئالماق، ئاۋاز چىقىرىش تەسلەشمەك؛ بوغۇق ئاۋاز بىلەن سۆزلىمەك:[مىسال:] ئۇ پات-پات بوغۇلۇپ يۆتىلەتتى ۋە خىرقىراپ نەپەس ئالاتتى.[يەشمىسى:] ③ غەزىپىنى ئىچىگە يۇتماق:[مىسال:] ئۇ تازا بوغۇلۇپ تۇرغاندا، بىردىنلا قومۇشلۇق ئىچىدىن بىر بېلىقچى كىچىككىنە قېيىقنى ھەيدەپ چىقىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ④ چىرمالماق، مۇپتىلا بولماق؛ پاتماق:[مىسال:] قەرزگە بوغۇلماق.

بوغۇم

  • بوغۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ ھەربىر بۆلەكلىرىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشقان جايى:[مىسال:] قومۇشنىڭ بوغۇمى. [يەشمىسى:] ② بەدەن سۆڭەكلىرىنىڭ ئۆزئارا بىرىككەن جايى:[مىسال:] بوغۇم ياللۇغى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] بىر ياكى بىرقانچە تاۋۇش ئېلېمېنتىدىن ھاسىل بولغان ئەڭ كىچىك فونېتىكىلىق بىرلىك:[مىسال:] ئوچۇق بوغۇم. يېپىق بوغۇم.

بوغۇم-بوغۇم

  • بوغۇم-بوغۇم[يەشمىسى:] ① «بوغۇمⅠ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى. [يەشمىسى:] ② بىر بوغۇم-بىر بوغۇم، بۆلەك-بۆلەك:[مىسال:] باي ئۇنىڭ بوغۇم-بوغۇم بولۇپ تۇرغان كىگىز پايپاقلىق ئايىغىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى.

بوغۇملۇق

  • بوغۇملۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بوغۇملىرى بار، بوغۇملارغا ئىگە:[مىسال:] ئۇلاردا بومبا ۋە تاپانچا تۈگۈل توققۇز بوغۇملۇق سىم قامچىمۇ، ئۈچ قىرلىق ئىككى بىسلىق خەنجەرمۇ يوق.

بوغۇملۇق يېزىق

  • بوغۇملۇق يېزىق[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] بىر خىل ئېلىپبەلىك يېزىق. ئۇنىڭ ھەرپى بىر پۈتۈن بوغۇمنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: سانسكرىت يېزىقىغا ئوخشاش.

بوغۇنⅠ

  • بوغۇنⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەۋلاد، نەسىل:[مىسال:] ياش بوغۇنلاردىن بەزىلىرى جۇڭگو ئىنقىلابى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرىنى ئاققۇزدى.

بوغۇنⅡ

  • بوغۇنⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چىڭگىلىككە ئوخشايدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك.

بوغۇناق

  • بوغۇناق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن توپا-چاڭ:[مىسال:] ئۇلار شۇ سۆز ئۈستىدە تۇرغان چاغدا، كۆكنىڭ يۈزىنى بىر قەۋەت بۇلۇتتەك بوغۇناق قاپلاپتۇ.

بوغۇنداش

  • بوغۇنداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇرۇق-ئەۋلاد؛ نەسىلداش:[مىسال:] بىزنىڭ بوغۇنداشلىرىمىزدىن مەيلى ئوغۇل، مەيلى قىز بولسۇن ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغىنى يوق.

بوغۇنۇقماق

  • بوغۇنۇقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] خاپا بولماق، بوغۇلماق.

بوغىچى

  • بوغىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوغا ياسىغۇچى، بوغا ياساپ ساتىدىغان كىشى.

بوغىچىلىق

  • بوغىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوغا ياساپ سېتىش ئىشى.

بوقتاق

  • بوقتاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كىچىك داۋان ياكى توغرا قىر.

بوقتوغ

  • بوقتوغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قولنىڭ جەينەكتىن يۇقىرى مۈرىگىچە بولغان ئارىلىقى، بىلەك.

بوقۇرماق

  • بوقۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۈچ بىلەن تولدۇرۇپ ئالماق؛ كۈچ بىلەن ئويۇپ ئالماق.

بوقۇرۇشماق

  • بوقۇرۇشماق[يەشمىسى:] «بوقۇرماق»[يەشمىسى:] پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بوقۇرۇلماق

  • بوقۇرۇلماق[يەشمىسى:] «بوقۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بوقۇسا

  • بوقۇسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغاچتىن ياسالغان، تۆمۈر چىش بېكىتىلگەن ۋە يەر ھەيدەشتە ئىشلىتىلىدىغان ئاددىي سايمان.

بوكس

  • بوكس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] مەخسۇس قولقاپ كىيىپ، مەلۇم قائىدىلەرگە ئاساسەن مۇشتلىشىش ھەرىكىتى.

بوكسچى

  • بوكسچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] بوكس ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىسپورتچى.

بوكسچىلىق

  • بوكسچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] مەخسۇس بوكس ھەرىكىتى بىلەن مەشغۇل بولۇش ئىشى؛ بوكس پائالىيىتى.

بوڭ

  • بوڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بوغۇق قاتتىق ئاۋاز ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان سادا.

بوڭ-بوڭ

  • بوڭ-بوڭ[يەشمىسى:] «بوڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] بوڭ-بوڭ قىلغان ئاۋاز چىقتى.

بوڭبوڭ

  • بوڭبوڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «بوڭ» قىلىپ ئاۋاز چىقىرىدىغان:[مىسال:] بوڭبوڭ قوڭغۇز.

بوڭبوڭ قوڭغۇز

  • بوڭبوڭ قوڭغۇز[يەشمىسى:] بوڭ-بوڭ ئاۋاز چىقىرىپ ئۇچىدىغان بىر خىل قوڭغۇز.

بوڭۇلداتماق

  • بوڭۇلداتماق[يەشمىسى:] «بوڭۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بوڭۇلداشماق

  • بوڭۇلداشماق[يەشمىسى:] «بوڭۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بوڭۇلدىماق

  • بوڭۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «بوڭ-بوڭ» قىلغان ئاۋاز چىقماق:[مىسال:] يىراقتىن بوڭۇلدىغان ناغرا ئاۋازى ئاڭلاندى.

بولا

  • بولا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] بەشلەڭ ۋە قارتا ئويۇنلىرىدا ئويۇن قائىدىسىگە خىلاپ ھەرىكەت ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازا:[مىسال:] بولا بولماق. بولا قىلماق.

بولاتماق

  • بولاتماق[يەشمىسى:] «بولىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئالىم پوچتىدىن ئەۋەتىدىغان كىتابلارنى بولىتىپ تەييار قىلىپ قويدى.

بولار

  • بولار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بولىدىغان:[مىسال:] بولار گەپ. [يەشمىسى:] ② يېتەر، بەس، كۇپايە:[مىسال:] ئەمدى بولار، سۆزلىمەيلا قويۇڭ، كۆڭلىمىزنى ئېزىۋەتتىڭىز، دېدى ئامىنە يولدىشى ئابلىمىتكە.

بولار-بولماس

  • بولار-بولماس[يەشمىسى:] بولمىغۇر، ئەرزىمەس، تايىنى يوق:[مىسال:] ئەگەر سېنى بىر ئادەم چاقىرسا، بولار-بولماس ئادەمنىڭ ئۆيىگە بارما.

بولارلىق

  • بولارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بولىدىغان، بولۇشقا ئەرزىيدىغان:[مىسال:] سىنىپىمىزدا گۈلنىسا، رەيھانگۈل قاتارلىق يەتتە نەپەر ئوقۇغۇچى ئۆزلىرىنىڭ ئۈلگە بولارلىق ياخشى ئىشلىرى ئۈچۈن قىزىلگۈل تاقىدى ۋە خاتىرە بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلاندى.

بولاشماق

  • بولاشماق[يەشمىسى:] «بولىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بولاقⅠ

  • بولاقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈستى رەخت ياكى قەغەز قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئوراپ تېڭىلغان، بولانغان:[مىسال:] بىر بولاق قەنت.

بولاقⅡ

  • بولاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خېمىرتۇرۇچ سېلىپ بولدۇرۇلغان:[مىسال:] بولاق مانتا.

بولاقلىق

  • بولاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بولاق قىلىپ قويۇلغان، بولانغان:[مىسال:] كىتابلارنىڭ ھەممىسى بولاقلىق.[يەشمىسى:] ② بولاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، بولاق قىلىشقا لايىق:[مىسال:] ئىككى بولاقلىق قەغەز.

بولاڭخۇي

  • بولاڭخۇي[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] سۈپىتىگە ھۆددە قىلغان ھالدا:[مىسال:] بولاڭخۇي ساتماق. بولاڭخۇي ئالماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] ھۆددە قىلىمەن، چاتاق يوق:[مىسال:] بۇ تاۋۇزنىڭ قىزىل چىقىشىدا گەپ يوق، بولاڭخۇي.

بولانماق

  • بولانماق[يەشمىسى:] «بولىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بولانغان قەنت. بولانغان تاماكا.

بولتا

  • بولتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بىر ئۇچىدا كاللىكى، يەنە بىر ئۇچىدا رەزبىسى بولغان چىڭىتىش دېتالى.

بولتىلىق

  • بولتىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بولتىسى بار، بولتا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

بولتىلىماق

  • بولتىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بولتا بىلەن چىڭىتماق.

بولجاⅠ

  • بولجاⅠ [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىلتىزدىن كۆكلەپ چىققان:[مىسال:] ئۇ ئاشۇ بولجا تېرەككە تىكىلگىنىچە تۇرۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىلتىزدىن كۆكلەپ چىققان تېرەك:[مىسال:] نىيازئاخۇن بېغىدىكى ئىككى تۈپ بولجانى كېسىپ، ئۆز يېزىسىغا يېڭى سېلىنىۋاتقان مەكتەپكە ياردەم قىلدى.

بولجاⅡ

  • بولجاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۆلچەر، قىياس.

بولجالاتماق

  • بولجالاتماق[يەشمىسى:] «بولجالىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بولجالىق

  • بولجالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بولجا تېرەك ئۆسكەن جاي.

بولجالىماق

  • بولجالىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۆلچەرلىمەك، قىياس قىلماق.

بولدۇرماقⅠ

  • بولدۇرماقⅠ[يەشمىسى:] «بولماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بولۇمسىزنى بولدۇرالمىدىم، خۇرجۇن-قاچىسىنى تولدۇرالمىدىم (ماقال).

بولدۇرماقⅡ

  • بولدۇرماقⅡ[يەشمىسى:] «بولماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] خېمىرنى بولدۇرماق.

بولدۇرۇلماق

  • بولدۇرۇلماق[يەشمىسى:] «بولدۇرماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بولدۇرۇلغان خېمىر.

بولدى

  • بولدى[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «بولماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئېنىق ئۆتكەن زامانⅢشەخس بىرلىك فورمىسى:[مىسال:] سائەت 12 بولدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۇپايە، يېتەرلىك:[مىسال:] ماڭا بىرەر نان بەرسەڭ بولدى. مېڭىۋېرىمەن، دېدى يولۇچى شاھزادىغا. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بەس، توختا:[مىسال:] بولدى، ئاسىم ئاكام ئەخەتنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى، نېمە بولسا بولسۇن، ئەسكەرگە ماشىنىنى بېرىڭلار.

بولدى قىلماق

  • بولدى قىلماق[يەشمىسى:] تۈگەتمەك، ئاياغلاشتۇرماق، توختاتماق:[مىسال:] − بولدى قىلسىلا بوۋا، كۆڭۈللىرىنى بۇزمىسىلا، − دېدى رۇقىيە.

بولسا

  • بولسا[يەشمىسى:] ① «بولماقⅠ» پېئىلىنىڭ شەرت رايى:[مىسال:] ئوغرى بولساڭ ئىنساپ بىلەن بول، قازىنىنى ئالساڭ تۇۋىقىنى قوي (ماقال). * ھەر كىشىنىڭ يارى بولسا قېشىدا بولسا، پەرەڭ ياغلىق ئاشۇ يارنىڭ بېشىدا بولسا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى. جۈملىدە ئىگە بىلەن خەۋەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئايرىغۇچى باغلىغۇچى رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] مەن بولسام ئوقۇتقۇچى، ئەخمەت بولسا دېھقان.[يەشمىسى:] ③ ئىلگىرىلەش باغلىغۇچى رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] جوزا توغرالغان نان، پىششىق گۆش، سېرىقماي، قېزا، سامسىلار بىلەن تولغان، تاشقىرىقى ئۆيدىن بولسا قايناۋاتقان سۈر گۆشنىڭ پۇرىقى كېلەتتى.[يەشمىسى:] ④ «غان، قان، گەن، كەن» قوشۇمچىلىرى بىلەن ياسالغان سۈپەتداشلار بىلەن بىللە كېلىپ، قوشما جۈملە تەركىبىدىكى شەرت جۈملە بىلەن پەرەز جۈملىنى باغلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ:[مىسال:] سەن كەلمىگەن بولساڭ، مەن باراتتىم.

بولشېۋىزم

  • بولشېۋىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئىنقىلابى ئارقىلىق كاپىتالىستىك جەمئىيەتنى ئاغدۇرۇپ، كوممۇنىستىك جەمئىيەت قۇرۇشتا رۇسىيە ۋە خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتى تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش ئاساسىدا لېنىن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان نەزەرىيە ۋە تاكتىكا.

بولشېۋىزملىق

  • بولشېۋىزملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] بولشېۋىزم نەزەرىيىسى ۋە تاكتىكىسىغا ئىگە.

بولشېۋىك

  • بولشېۋىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] لېنىن قۇرغان سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىشلەتكەن ئاتالغۇ بولۇپ، «كۆپ سانلىقلار» دېگەن مەنىدە. بۇ ئىسىم بولشېۋىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى — كوممۇنىست دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

بولشېۋىكلارچە

  • بولشېۋىكلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بولشېۋىكلار يوسۇنىدا، بولشېۋىكلارغا ئوخشاش، بولشېۋىكلار كەبى.

بولشېۋىكلىق

  • بولشېۋىكلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بولشېۋىكلاردا بولۇشقا تېگىشلىك:[مىسال:] بولشېۋىكلىق ئادەت. بولشېۋىكلىق خاراكتېر.

بولغۇسى

  • بولغۇسى[يەشمىسى:] ① «بولماقⅠ» پېئىلىنىڭ سۈپەتدىشى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كەلگۈسىدە بولۇشى مۇمكىن ياكى ئېھتىمالغا يېقىن بولغان:[مىسال:] خەتتە دۇئايىسالامدىن كېيىن مۇنداق دېيىلگەنىدى:[مىسال:] «مەن چەت ئەلگە چىقماقچىمەن، بولغۇسى ھاكىم ئۆزلىرىگە مۇبارەك بولسۇن».

بولغۇلۇق

  • بولغۇلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بولۇشى لازىم، بولۇشى كېرەك:[مىسال:] «ھوشيار بولغۇلۇق» دەيتتى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بولىدىغان ئىش، بولۇشقا تېگىشلىك ئىش:[مىسال:] قېنى ئۆيگە كىرىڭلار، بولغۇلۇق بوپتۇ. نېمە كەلسە، ئۆزى كۆرەر، دېدى نىساخان ئۇلارنى ئۆيگە باشلاپ.

بولقا

  • بولقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىخ قاتارلىق نەرسىلەرنى قېقىش، تۆمۈر ماتېرىياللىرىنىڭ ئۈستىنى تەكشىلەش ۋە ئېگىشكە ئوخشاش ئىشلاردا قوللىنىلىدىغان ياغاچ دەستىلىك پولات ياكى ياغاچ سايمان.

بولقىلاتماق

  • بولقىلاتماق[يەشمىسى:] «بولقىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بولقىلاشماق

  • بولقىلاشماق[يەشمىسى:] «بولقىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بولقىلانماق

  • بولقىلانماق[يەشمىسى:] «بولقىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بولقىلىماق

  • بولقىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بولقا بىلەن ئۇرماق، قاقماق.

بولكا

  • بولكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئاق ئۇننىڭ بولدۇرۇلغان خېمىرىدىن دۇخوپكىدا پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل نان. ئۆزى ئۇزۇنچاق، ئىچى ھەرە كۆنىكىدەك كاۋاكچە بولىدۇ، تەمى تاتلىق.

بولكىچى

  • بولكىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بولكا پىشۇرۇش ياكى سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى.

بولكىچىلىق

  • بولكىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بولكا پىشۇرۇش ياكى سېتىش ئىشى.

بولكىخانا

  • بولكىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بولكا پىشۇرۇلۇپ سېتىلىدىغان جاي، بولكا دۇكىنى.

بولماقⅠ

  • بولماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يۈز بەرمەك، سادىر بولماق:[مىسال:] ھايۋانلارمۇ بوش كەلمەپتۇ. قىرىق كېچە-كۈندۈز جەڭ بوپتۇ.[يەشمىسى:] ② كەلمەك؛ باشلانماق:[مىسال:] چۈش بولدى. زاۋال بولدى.[يەشمىسى:] ③ بىرەر يەردە مەلۇم ۋاقىت تۇرماق:[مىسال:] شەنبە كۈنى گۈلباھار كەچكىچە ھەجەر ئاچىنىڭ ئۆيىدە بولدى.[يەشمىسى:] ④ ئورۇنلاشماق:[مىسال:] توي كۈنى قېرىلار بىر يەردە، ياشلار بىر يەردە بولىدۇ.[يەشمىسى:] ⑤ ئۆسمەك، ئاينىماق، ئوخشىماق:[مىسال:] غورا بولماي مېغىزى بولماس.[يەشمىسى:] ⑥ ئۆتمەك:[مىسال:] ماڭا مۇشۇ يەردە ياشىغىلى ئۇزاق يىللار بولدى، دېدى كېيىك.[يەشمىسى:] ⑦ مەۋجۇت، بار ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئەمگەك بىلەن ئۆزىگە ھايات يولى تېپىشنى مەقسەت قىلغۇچىنىڭ بۇنچىلىك گەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇغۇ[يەشمىسى:] ⑧ ۋەزىپىگە تەيىنلەنمەك، بىرەر دەرىجە ۋە ئورۇنغا ئېرىشمەك بولماق:[مىسال:] مەن ھازىر مەكتەپ مۇدىرى بولدۇم، لېكىن مەكتەپ خىزمىتىنى بىر كۈنمۇ ئىشلىگىنىم يوق.[يەشمىسى:] ⑨ مەلۇم قىممەتكە يارىماق:[مىسال:] زىۋىرشانىڭ ھېسابىدا ئۇلارنىڭ 30 مىڭ باغ قومۇشى 7 مىڭ 5 يۈز يۈەن بولاتتى.[يەشمىسى:] 01 توغرا، مۇۋاپىق كەلمەك:[مىسال:] ئاخىر ساۋۇت بۇ ئىش ئۈستىدە ھېچكىمگە ئېغىز ئاچمىغىنىم تۈزۈك، يېنىكلىك بىلەن قوشنامنى يامان ئادەمگە چىقىرىۋەتسەم بولماس، دېگەن ئويغا كەلدى.[يەشمىسى:] 11 مەلۇم ھالەتتە ئۆتمەك، مەلۇم ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] تۇرمۇشلۇق بولماق.[يەشمىسى:] 21 بەزى ئىسىملارغا باغلىنىپ كېلىپ پېئىللاشتۇرۇش رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] گۇناھكار بولماق.[يەشمىسى:] 31 سۈپەتلەر ۋە رەۋىشلەر بىلەن بىرىكىپ ئۆتۈمسىز پېئىللاشتۇرۇش رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] چوڭ بولماق.[يەشمىسى:] 41 «بولسا بوپتىكەن» فورمىسىدا كېلىپ «ياخشى ئىدى» مەنىسىدە كېلىدۇ:[مىسال:] بايىقى ئىككى سوئالنى باشقىچە قويسىڭىز بوپتىكەن.[يەشمىسى:] 51 بولۇشسىز فورمىدا كېلىپ ئىقتىداردىن، پائالىيەتتىن قالغانلىقنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بالام، دەپتۇ بىر كۈنى بوۋاي ئوغلىنى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، مەن بولالمايدىغان ئوخشايمەن.[يەشمىسى:] 61 تەييارلانماق، ھازىرلانماق:[مىسال:] ئالماس بىلەن ئېلىقۇل: لەيلىگۈل، ئانار قەيەردە بول ئىتتىكرەك ئېيت، دەپ سورىدى ئۇنىڭدىن.[يەشمىسى:] 71 «-ار، -دىغان، -ماق، -ماقچى»قوشۇمچىلىرى بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللار بىلەن قوشۇلۇپ ئۈمىد، تىلەك مەيلىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] شۇنىڭدىن باشلاپ سوپىتاي مىجىت بىلەن بىللە كۈنىگە ئىككى-ئۈچ قېتىم كۆرۈشىدىغان بولدى.[يەشمىسى:] 81 «-ىپ، -ۇپ» بىلەن ئاياغلاشقان رەۋىشداشلار بىلەن قوشۇلۇپ ئىش-ھەرىكەتنىڭ تااملىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] نۇرۇم، چېيىڭنى ئىچىپ بولۇپ، ئالمىلارغا سۇ بارىدىغان ئېرىقنى قېزىۋەتكىنە، دېدى زورىخان نۇرغا.[يەشمىسى:] 91 ئىسىملىك خەۋەرگە ياندىشىپ كېلىپ «-دۇر» مەنىسىدە خەۋەر جۈملە باغلىغۇچىسى رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] بۇ مېنىڭ ئېرىم، سوپىتاي بولىدۇ، دەپ تونۇشتۇردى ھېلىقى ئايال.[يەشمىسى:] 02 چىقىش كېلىشتە تۈرلىنىپ كەلگەن ئىسىم بىلەن كېلىپ «دۇنياغا كەلمەك»، «تۇغۇلماق» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھارامدىن بولغان. * بۇ كىشى خوتەندىن بولىدۇ، -دەپ تونۇشتۇردى مېنى ئۇ باشلىققا.[يەشمىسى:] 12 يۆنىلىش كېلىشتە تۈرلىنىپ كەلگەن ئىسىملار بىلەن سۈپەتداش فورمىسىدا باغلىنىپ كېلىپ «نىسبەتەن»، «قارىتا» مەنىسىدىكى تىركەلمە رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] بەزىدە يۈز بەرگەن كىچىككىنە ۋەقەلەرمۇ سېنىڭ تۇرمۇش ھادىسىلىرىگە بولغان كۆزقارىشىڭنى ۋە ھايات ئۈچۈن باسقان قەدەملىرىڭنىمۇ ئۆزگەرتىۋېتىشكە قادىر.[يەشمىسى:] 22 شەخس قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەن بىرىكمىنىڭ خەۋىرى بولۇپ كېلىپ «... دەپ ھېسابلانماق» مەنىسىدە كېلىدۇ:[مىسال:] ياماننىڭ ياخشىسى بولغۇچە، ياخشىنىڭ يامىنى بول (ماقال).[يەشمىسى:] 32 «... بىلەن بولماق» فورمىسىدا كېلىپ «...بىللە بىر تەرەپتە تۇرماق»؛ «شۇغۇللانماق»؛ «بېرىلمەك» مەنىلىرىدە كېلىدۇ:[مىسال:] مەنغۇ سېنىڭ بىلەن، سەن بولمىدىڭ مېنىڭ بىلەن، بولمىساڭ بولما يارىم، يېنىڭدىكى سېنىڭ بىلەن.[يەشمىسى:] 42 «... دەك... تەك» بىلەن كەلگەن سۈپەتداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئاشۇنداق ھالەتكە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] باي «ھىم» دەپ ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بوپتۇ. * خەتتىكى ھەربىر سۆز ئۇنىڭ قۇلىقىدا جاراڭلىغاندەك بولدى.[يەشمىسى:] 52 «غىلى، قىلى...» بىلەن كەلگەن پېئىللارغا «-قا، -غا، -كە، -گە» بىلەن كەلگەن ئىسىمداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئىش-ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر قولدا چاۋاك چالغىلى بولماس (ماقال). * كەينى تەرەپتىن ئۇ كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلگىلى بولمايتتى.[يەشمىسى:] 62 شەخسلەنگەن سۈپەتداش بىلەن بىللە كېلىپ سۈپەتداش بىلدۈرگەن ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بوپتۇ، دېگىنىڭىز بولسۇن، دەپتۇ كەمبەغەل.

بولماقⅡ

  • بولماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خېمىرتۇرۇچ ياكى سودا سېلىپ چەيلەنگەن خېمىر بەلگىلىك مىقداردا ئېچىپ پېتىر ھالەتتىن كۆپتۈرۈلگەن ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئەتىگەن يۇغۇرۇپ قويغان خېمىرىم بۇ كەمگە بولدى.

بولمىسا

  • بولمىسا[يەشمىسى:] ① «بولماق Ⅰ» پېئىلىنىڭ Ⅲ شەخس بولۇشسىز شەرت رايى : [مىسال:] بولسا بولار ، بولمىسا ئىز پۇلى بولار (ماقال) . * بۇ ئىش بۈگۈن بولمىسا ئەتە بولار . [يەشمىسى:] ② قارىمۇقارشى باغلىغۇچى «ياكى» ، «ئەگەر ئاشۇنداق قىلىنمىسا» مەنىلىرىدە كېلىدۇ : [مىسال:] مەززىسىنى قورساققا چۈشكەندە بىلىسەن ، بولمىسا ، ئەكەلگىنە قوۋۇرغاڭنىڭ قالغىنىنى مەن يەۋېتەي ، دەپتۇ تۈلكە.[يەشمىسى:] ③ ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە ، ئۇ ھالدا : [مىسال:] − شۇنداق ، بولمىسا نېمە چارە بار؟ − دېدى ئەختەم سۇلايمانغا.

بولمىغۇر

  • بولمىغۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئاساسىي بولمىغان، بولۇشقا تېگىشلىك ئەمەس، قۇرۇق:[مىسال:] بولمىغۇر خىيال. بولمىغۇر پىكىر.[يەشمىسى:] ② ئەدەپسىز، بىھايا، يارىماس، رەزىل، پەس:[مىسال:] بولمىغۇر سۆز.

بولمىغۇرلۇق

  • بولمىغۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بولمىغۇر گەپ-سۆز، قىلىق:[مىسال:] ئوغلۇم بۇنچە ياشتا تۇرۇپ بۇنداق بولمىغۇرلۇق قىلما دېدى دادىسى ئوغلىغا.

بولۇپمۇ

  • بولۇپمۇ[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] ئومۇمىي ئۇقۇم تەركىبىدىكى ئايرىم بىر تارماقنى ئالاھىدە تەكىتلەپ «ھەممىدىن بەك»، «خۇسۇسەن» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ:[مىسال:] مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى، بولۇپمۇ دېموكراتىك ئاساستا نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

بولۇشتۇرماق

  • بولۇشتۇرماق[يەشمىسى:] «بولۇشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بولۇشسىز

  • بولۇشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مەۋجۇت بولمىغان، بولمايدىغان؛ يۈز بەرمىگەن، يۈز بەرمەيدىغان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] يوقلۇق، ئىنكار:[مىسال:] بولۇشسىز ئالماش. بولۇشسىز پېئىل.

بولۇشسىز ئالماش

  • بولۇشسىز ئالماش[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] يوقلۇق مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئالماشلار، مەسىلەن: ھېچكىم، ھېچقانداق، ھېچقاچان.

بولۇشسىز پېئىل

  • بولۇشسىز پېئىل[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] يوقلۇقنى، ئىنكارنى بىلدۈرگۈچى پېئىل.

بولۇشسىزلىق

  • بولۇشسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يوقلۇق، بولۇشسىز ھالەت.

بولۇشقاق

  • بولۇشقاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىراۋغا بولۇشقۇچى، يان باسقۇچى:[مىسال:] ئاتىسى بولۇشقاقنىڭ ئوغلى ئۇرۇشقاق، ئانىسى بولۇشقاقنىڭ قىزى يىغلاڭغۇ (ماقال).

بولۇشلۇق

  • بولۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەۋجۇت بولغان ۋە بولىدىغان، بولارلىق:[مىسال:] بولۇشلۇق پېئىل.

بولۇشلۇق پېئىل

  • بولۇشلۇق پېئىل[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئېنىقلىقىنى بىلدۈرىدىغان پېئىل.

بولۇشماق

  • بولۇشماق[يەشمىسى:] ① «بولماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇنى كۆرگەن دىۋىلەر ھەيران بولۇشۇپتۇ.[يەشمىسى:] ② يان باسماق، ياردەملەشمەك، قانات ئاستىغا ئالماق:[مىسال:] ماۋۇ دەللە بۇنىڭغا بولۇشۇپ (غۇنچەمنى كۆرسىتىپ) بىزنى تېخى زالىملار دەۋاتىدۇ.[يەشمىسى:] ③ مىجەز-خاراكتېرى كېلىشمەك، ئەپ ئۆتمەك (ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى ھەققىدە):[مىسال:] بىراق ئۆزلىرى تېپىشمىغانلىقىدىنمۇ، ئەيتاۋۇر بۇ ئىككىسى بولۇشالمىدى.

بولۇشىچە

  • بولۇشىچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① ئىمكانقەدەر، قولىدىن كېلىشىچە، قىلالىغىنىچە، ئانچە كۈچەپ كەتمەي:[مىسال:] بولۇشىچە قىلماق.[يەشمىسى:] ② پۈتۈن ئىمكانىيىتى بىلەن؛ جېنىنىڭ بارىچە:[مىسال:] ئېتىڭنى بولۇشىچە چاپتۇرۇپ قوغلا، بولمىسا يېتىشەلمەيسەن، دېدى يولۇچى ئاتلىق بالىغا.

بولۇشىغا

  • بولۇشىغا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «بولۇشىچە»گە قاراڭ:[مىسال:] ئۇلار ناھايىتى ئالدىراشچىلىقتا كېمىدىن چۈشتى-دە، ئاتلىرىنى بولۇشىغا چاپتۇرۇپ كەينىدىن قوغلاپ كەتتى.

بولۇق

  • بولۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قويۇق، زىچ:[مىسال:] بولۇق مايسا.[يەشمىسى:] ② ھوسۇللۇق، ئوخشىغان:[مىسال:] بولۇق بۇغداي.

بولۇم

  • بولۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] لاياقەت، ئىقتىدار، قابىلىيەت.

بولۇمسىز

  • بولۇمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھېچ ئىشنى قىلالمايدىغان، يارىماس:[مىسال:] بولۇمسىزنى بولدۇرالمىدىم، خۇرجۇن-قاچىسىنى تولدۇرالمىدىم (ماقال).

بولۇمسىزلىق

  • بولۇمسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يارامسىزلىق، كارغا كەلمەسلىك.

بولۇنماق

  • بولۇنماق[يەشمىسى:] «بولماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار سارۇچىندا بولۇنغان ۋەقەدىن خەۋەر تېپىپ دەرھال يولغا چىقتى.

بولىماق

  • بولىماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈستىنى رەخت ياكى قەغەز بىلەن ئوراپ، يىپ بىلەن تاڭماق.

بولىۋار

  • بولىۋار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋىنسۇئېلانىڭ پۇل بىرلىكى.

بومⅠ

  • بومⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بۇرۇقتۇم ئاۋاز:[مىسال:] تۇيۇقسىز كوچا تەرەپتىن پوچاڭزا تاۋۇشىغا ئوخشىمايدىغان «بوم» قىلغان ئاجايىپ بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.

بومⅡ

  • بومⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زىل ئەمەس:[مىسال:] ھاشىر بوم ۋە يېقىملىق ئاۋازى بىلەن شوخ ۋالىس پەدىسىگە كەلتۈرۈپ ناخشا باشلىۋەتتى.

بومبا

  • بومبا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] بىر خىل پارتلايدىغان قورال. ئادەتتە ئۇنىڭ تاشقى قېپى پولاتتىن ياسىلىدۇ، ئىچىگە پارتلاتقۇچى دورا قاچىلىنىدۇ، پىلتىگە تېگىپ كەتسىلا پارتلايدۇ:[مىسال:] ئاتوم بومبىسى. قول بومبا.

بومباردىمان

  • بومباردىمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] بومبا تاشلاش، بومبا ياغدۇرۇش، بومبا تاشلاپ قىرىش:[مىسال:] بومباردىمان قىلماق.

بومباردىمانچى

  • بومباردىمانچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بومباردىمان قىلىدىغان، بومبا تاشلايدىغان:[مىسال:] بومباردىمانچى ئايروپىلان.

بومباردىمانچىلىق

  • بومباردىمانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بومباردىمان قىلىنغان ھالەت.

بومبىلاتماق

  • بومبىلاتماق[يەشمىسى:] «بومبىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بومبىلاشماق

  • بومبىلاشماق[يەشمىسى:] «بومبىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بومبىلانماق

  • بومبىلانماق[يەشمىسى:] «بومبىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بومبىلىماق

  • بومبىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بومبا بىلەن پارتلاتماق، بومباردىمان قىلماق.

بوھتان

  • بوھتان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاساسىي بولمىغان پىكىر؛ تۆھمەت، يالا:[مىسال:] بوھتان قىلماق. بوھتان چاپلىماق.

بوھتانچى

  • بوھتانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوھتان قىلىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئادەم.

بوھران

  • بوھران[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «كرىزىس»كە قاراڭ:[مىسال:] ئىقتىسادىي بوھران. سىياسىي بوھران.

بوۋا

  • بوۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئانىسىنىڭ ۋە دادىسىنىڭ دادىسى.

بوۋاسىر

  • بوۋاسىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] مەقئەت بىلەن تۈز ئۈچەينىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرىدىكى كۆك تومۇر قان ئۇيۇپ قېلىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل كېسەللىك، ئالامىتى: قىچىشىدۇ، قاتتىق قىزىرىدۇ، ئاغرىيدۇ، چوڭ تەرەت قان ئارىلاش كېلىدۇ.

بوۋاق

  • بوۋاق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېڭى تۇغۇلغان، ئېمىدىغان بالا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېڭى تۇغۇلغان، ئېمىش دەۋرىدىكى:[مىسال:] بوۋاق بالا. بوۋاق چاغ.

بوۋاقلىق

  • بوۋاقلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بوۋاق بالىسى بار:[مىسال:] توي قىلىپ بىر يىلدىلا بوۋاقلىق بولۇپ قاپسىلەر.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېڭى تۇغۇلغان، ئېمىدىغان دەۋر:[مىسال:] بوۋاقلىقىمدا تاغاملارنىڭ يېنىدا تۇرغانىكەنمەن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوۋاقلارغا خاس ھەرىكەت، قىلىق:[مىسال:] بوۋاقلىقىڭنى تاشلا

بوۋاي

  • بوۋاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ياشانغان، قېرى كىشى.[يەشمىسى:] ② ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەپ ئاتاش فورمىسى:[مىسال:] بوۋاينىڭ بىر ئاز مىجەزى يوق.

بوۋىقۇش

  • بوۋىقۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بوۋا+قۇش[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋان، بېشى قۇشىنىڭكىگە ئوخشايدۇ، ئادەتتە قۇشلارنىڭ بوۋىسى دەپ قارىلىدۇ.

بوي

  • بوي[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشى قامىتى:[مىسال:] ئوتتۇرا بوي، بويى ئېگىز. بوي ئەگمەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىك نەرسىلەرنىڭ ئېگىزلىكى:[مىسال:] تېرەك بويى. تام بويى. بوي تارتىماق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىككە ئىگە نەرسىلەرنىڭ ئۇزۇن تەرىپى:[مىسال:] ئۇ گىلەمنىڭ بويى قانچىلىككەن [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىرغاق، ساھىل، چەت:[مىسال:] ئېلى ئۆستەڭ بويىدىن ھېيتگاھقا قاراپ ماڭدى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] Ⅲشەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسىنىڭ بىرلىكىدە كېلىپ «داۋامىدا، مابەينىدە»:[مىسال:] يىل بويى. ئۆمۈر بويى. كۈن بويى.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قىلغان پېتى، ئەتكەن ھالدا:[مىسال:] بېھىنى قولۇمغا تۇتقان بويى ئۆيگە كەلدىم.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئۇزۇنلۇق ياكى ئېگىزلىك مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر بوي تال. بىر بوي تاسما.

بويىدا قالماق

  • بويىدا قالماق[يەشمىسى:] ھامىلىدار بولماق، قورسىقىدا قالماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئايالىنىڭ بويىدا قالغان بولۇپ، بىر قىز تۇغۇپتۇ.

بويىدىن ئاجرىماق

  • بويىدىن ئاجرىماق[يەشمىسى:] بويىدا قالغان بالا ۋاقتى كەلمەي چۈشۈپ كەتمەك.

بويى كىر

  • بويى كىر[يەشمىسى:] بويىنى سۇغا سالمىغان، يۇيۇنمىغان.

بويىغا يەتمەك

  • بويىغا يەتمەك[يەشمىسى:] بالاغەتكە يېتىپ توي قىلىش مەزگىلىگە كىرمەك.

بوياتماق

  • بوياتماق[يەشمىسى:] «بويىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ياغلىقىمنى كۆك بوياتتىم.

بوياشماق

  • بوياشماق[يەشمىسى:] «بويىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يەسلىدىكى بالىلار قوللىرىنى بويىشىۋاپتۇ.

بوياقⅠ

  • بوياقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوياش، رەڭ بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماددا:[مىسال:] بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى، بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى (ماقال).

بوياقⅡ

  • بوياقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] زاراڭزا.

بوياقچى

  • بوياقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رەخت، يىپ قاتارلىقلارنى بويىغۇچى ئۇستا:[مىسال:] ئەسلىدە ھېلىقى ئۆي بىر بوياقچىنىڭ بوياقخانىسى ئىكەن.

بوياقچىلىق

  • بوياقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بوياق بوياش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك:[مىسال:] ئىنقىلابىي ئاممىنىڭ كۆزى روشەن، بوياقچىلىق قىلىپ ئۆتۈپ كېتەلمەيسەن.

بوياقخانا

  • بوياقخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوياقچىلىق قىلىدىغان جاي، ئورۇن:[مىسال:] ئاتاڭ بوياقخانىدا ئىشلەمدۇ دەپ سورىدى مۇئەللىم بالىدىن.

بوياقسىز

  • بوياقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بويىقى يوق؛ بويالمىغان، بوياق بېرىلمىگەن:[مىسال:] رەسىم تېخى بوياقسىز ئىدى.

بوياقلىق

  • بوياقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بوياق بېرىلگەن، بويالغان، رەڭلىك:[مىسال:] قەغەزنىڭ يېرىمى قىزىل بوياقلىق تۇراتتى.

بويالماق

  • بويالماق[يەشمىسى:] «بويىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تاغ-تاشلار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسسىق ياش، قىزىل قېنى بىلەن بويالدى.

بوي-بەست

  • بوي-بەست[يەشمىسى:] قەددى-قامەت، گەۋدە:[مىسال:] گۈلسۈم بوي-بەستى كېلىشكەن بىر قىز ئىدى.

بويتاسما

  • بويتاسما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بوي+تاسما[[يەشمىسى:] ھەربىي ۋە ساقچى ئەمەلدارلىرى بېلىگە باغلاپ يان قورال ئېسىۋالىدىغان تاسما.

بويتاق

  • بويتاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]بوي+تاق[[يەشمىسى:] توي قىلمىغان ياكى توي قىلىپ ئاجراشقان (ئەرلەر ھەققىدە):[مىسال:] لۇتپۇللا ئۆزىنىڭ بۇ بويتاق، قەدىناس، كونا ئارىتام قوشنىسىنى خۇش پېئىللىق بىلەن كۈتۈۋالدى.

بويتاقچىلىق

  • بويتاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بويتاق تۇرۇش.

بويتاقلىق

  • بويتاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بويتاق ئۆتۈش:[يەشمىسى:] بۇ پالاكەت ئۇنىڭ بويتاقلىقىدىن بولدى.

بوي-تۇرق

  • بوي-تۇرق[يەشمىسى:] ئادەمنىڭ ئېگىزلىك ۋە تاشقى قىياپىتى:[مىسال:] بوي-تۇرقىغا قارىماق.

بويچىلىق

  • بويچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بويتاقلىق.

بويسۇندۇرماق

  • بويسۇندۇرماق[يەشمىسى:] «بويسۇنماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇرژوئازىيە يېزىنى شەھەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇندۇردى.

بويسۇندۇرۇلماق

  • بويسۇندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «بويسۇندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بويسۇنماق

  • بويسۇنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[قۇرۇلمىسى:]]بوي+سۇنماق[[يەشمىسى:] ① ئىتائەت قىلماق:[مىسال:] بىز سىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىزغا بويسۇنىمىز، دېدى مۇختار مەرگەن.[يەشمىسى:] ② تەن بەرمەك، ماسلاشماق، كۆنمەك:[مىسال:] ئەمما غەيرەت مۇشۇ يەرنىڭ ئادىتىگە بويسۇنمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ ئىلاجسىز ئۇنى دوراپ سۇ ئېلىپ ئىچتى.[يەشمىسى:] ③ ئەمەل قىلماق، رىئايە قىلماق:[مىسال:] ئالاۋىدىن ئۇنىڭ گېپىگە بويسۇنۇپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ.

بويسۇنۇشماق

  • بويسۇنۇشماق[يەشمىسى:] «بويسۇنماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بويسۈرە

  • بويسۈرە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بويلارنىڭ ئېگىز-پەسلىكىگە قاراپ، بويلارنىڭ ئېگىز-پەسلىكى بويىچە:[مىسال:] بويسۈرە بولماق. بويسۈرە قىلماق.

بويلاتماق

  • بويلاتماق[يەشمىسى:] «بويلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تام بويلىتىپ ئىككى قاتار قىلىپ تىزىلغان ئۈستەللەرگە كەمپۈت، گازىر-پۇرچاق، ئالما-نەشپۈت تىزىلغانىدى.

بويلاشماق

  • بويلاشماق[يەشمىسى:] ① «بويلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② يېتىشمەك، چىقىشماق:[مىسال:] لېكىن بۇ پۇل سەرپ ئەتكەن دەسمايىغا ئاران بويلاشتى.

بويلام

  • بويلام[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بويىغا، ئۇزۇنىغا كەتكەن.

بويلانماق

  • بويلانماق[يەشمىسى:] «بويلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بويلۇق

  • بويلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بويى بار، بويىغا ئىگە، قامەتلىك:[مىسال:] ئۇ، ئېگىز بويلۇق، كەڭ يەلكىلىك، ئاتمىش ياشلار چامىسىدىكى ئادەم ئىدى.

بويلىما

  • بويلىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بويىغا، ئۇزۇنىغا كەتكەن، بويلام:[مىسال:] بويلىما يېرىق.

بويلىماق

  • بويلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بويى ياكى ئۇزۇنلۇقى، ئېگىزلىكى يەتمەك، توغرا كەلمەك:[مىسال:] ئۇ: − مەن دېمىدىممۇ، كەتمەن بويلىمىدى، سۇنىڭ تېرەنلىكى زادى ئىككى گەزدىن كەم ئەمەس، − دېدى.[يەشمىسى:] ② دەريا، يول قاتارلىقلارنىڭ ياقىسى، بويى بىلەن ماڭماق:[مىسال:] ئۇ يان تەرەپتىكى ئانا ئېرىقنى بويلاپ كېتىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ③ بويىنى سوزماق:[مىسال:] قەپەسنىڭ ئىگىسى ئوتۇنچىغا:[مىسال:] ھە، نېمىشقا قەپەسنى بويلاپ قالدىڭ ئوغرىمۇسەن كەت نېرى دەپ ۋارقىراپتۇ.

بويناق

  • بويناق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بويۇن+ى+ئاق[[يەشمىسى:] بوينىدا ئاق بولغان ياكى بوينىدا باشقا بەلگىلىرى بولغان ئىت؛ كۈچۈك.

بويۇن

  • بويۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەم ۋە ھايۋان گەۋدىسىنىڭ باش بىلەن تەننى بىرىكتۈرگۈچى قىسمى.[يەشمىسى:] ② قاپاق، چۆگۈن قاتارلىقلارنىڭ بېشى بىلەن قورسىقى ئارىلىقىدىكى ئىنچىكە قىسمى:[مىسال:] ئاپتۇۋىنىڭ بوينى. قاپاقنىڭ بوينى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۈست، زىممە:[مىسال:] ئەھمەد ساۋابلىق ئۈچۈن توختىنىڭ بوينىدىكى قەرزنى ئېلىپ تاشلىۋەتتى.[مىسال:] بويۇن تولغىماق[يەشمىسى:] باش تارتماق، نارازىلىق قىلماق.

بوينىغا مىنمەك

  • بوينىغا مىنمەك[يەشمىسى:] بوزەك قىلماق:[مىسال:] ئۇلار ھازىر بوينىمىزغا مىنىۋالدى.

بوينى قاتتىق

  • بوينى قاتتىق[يەشمىسى:] بويۇن ئەگمەيدىغان، تىز پۈكمەيدىغان؛ جاھىل.

بوينى قىسىق

  • بوينى قىسىق[يەشمىسى:] بوينى قىسىلغان، بىچارە، يار-يۆلەكسىز، غېرىب:[مىسال:] ئۇ بالىنىڭ بوينى قىسىق بېشىنى سىلىمىساق ئەلۋەتتە بولمايدۇ-دە.

بوينى قىسىلماق

  • بوينى قىسىلماق[يەشمىسى:] غېرىبسىنماق، يار-يۆلەكسىز قالماق.

بوينى يۇمشاق

  • بوينى يۇمشاق[يەشمىسى:] ① باشۋاغ باغلاپ يېتىلەشكە، باشقۇرۇشقا بولىدىغان؛ كۆنگەن؛ ياۋاش:[مىسال:] بوينى يۇمشاق كالا.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىراۋنىڭ باشقۇرۇشىغا قارشىلىق قىلمايدىغان.

بويۇنتاۋلىق

  • بويۇنتاۋلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىتائەت قىلماسلىق، بويسۇنماسلىق؛ قارشىلىق قىلىش:[مىسال:] بويۇنتاۋلىق قىلماق.

بويۇنتۇرۇق

  • بويۇنتۇرۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بويۇن+تۇرۇق[[يەشمىسى:] ① قوش، جۇۋاز، تۇلۇق، ھارۋا قاتارلىقلارغا قېتىلىدىغان ئۆكۈزلەرنىڭ بوينىغا سېلىنىدىغان ئەگرى ياغاچ. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جەبىر-جاپا، ئاسارەت، چەكلىمە:[مىسال:] ئېزىلگۈچى مىللەتلەر جاھانگىرلىكنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن ئازاد بولىدۇ.

بويۇنتۇرۇقلۇق

  • بويۇنتۇرۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بويۇنتۇرۇق سېلىنغان. [يەشمىسى:] ② بويۇنتۇرۇق قىلىشقا بولىدىغان، بويۇنتۇرۇق ئۈچۈن تەييارلانغان:[مىسال:] بويۇنتۇرۇقلۇق ياغاچ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاسارەتلىك، تۈرلۈك چەكلىمىلەر بىلەن بوغۇلغان.

بويۇنچاق

  • بويۇنچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىز-ئاياللار بوينىغا ئاسىدىغان، يىپ ئۆتكۈزۈلگەن مارجان:[مىسال:] بويۇنچاق ئاسقان قىز.

بويۇنچاقلىق

  • بويۇنچاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بويۇنچاق قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان، بويۇنچاق قىلسا بولىدىغان ياكى شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان.

بويۇنچە

  • بويۇنچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆگە كارۋىنىنىڭ ئەڭ ئالدىدىكى تۆگىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىدىغان پۆپۈك.

بويۇنچۇق

  • بويۇنچۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوش ياكى ھارۋىغا قېتىلىدىغان ھايۋانلارنىڭ بوينىغا سېلىنىدىغان سايمان، جىمبو:[مىسال:] ئالدى بىلەن بۇ جانىۋارغا بويۇنچۇق سالايلى.

بويۇنداشماق

  • بويۇنداشماق[يەشمىسى:] «بويۇندىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھەممەيلەن بويۇندىشىپ يولغا تىكىلدى.

بويۇندىماق

  • بويۇندىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بوينىنى سوزماق:[مىسال:] ئۇ كېتىۋېتىپ ھە دەپ ئالدىغا بويۇنداپ قارىدى.

بويۇنكەش

  • بويۇنكەش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «گەدەنكەش»كە قاراڭ.

بويۇنكەشلىك

  • بويۇنكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «گەدەنكەشلىك»كە قاراڭ:[مىسال:] ئۇ مېنى بويۇنكەشلىك قىلدى دەپ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقاردى.

بويۇنلۇق

  • بويۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بوينى بار، مەلۇم شەكىلدىكى بويۇنغا ئىگە:[مىسال:] پاتەم ئۇزۇن بويۇنلۇق سۇ قاچىسىدىن تەشتەككە سۇ قۇيدى.[يەشمىسى:] ② بويۇنغا سېلىشقا تەييارلانغان:[مىسال:] ئۇ: بۇ قېتىم قىز تۇغسىڭىز بىر بويۇنلۇق مەرۋايىت، ئوغۇل تۇغسىڭىز ئالتۇن بىلەزۈك ئالىمەن، دەپ قالدى.

بويىچە

  • بويىچە[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] ① ئاساسەن، مۇۋاپىق، بىنائەن:[مىسال:] مۇدىر ئادىتى بويىچە ئالدى بىلەن كۆپچىلىككە سالام بەردى، ئەھۋال سورىدى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم ئورۇن، دائىرىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ، «ھەرىكەت، ۋەقە ياكى ھادىسىنىڭ شۇ جايغا تەئەللۇق تەۋەسىدە، دائىرىسىدە» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئەمدى بىزمۇ ئائىلىمىز بويىچە بىرنى يازساق قانداق * جەڭ مەيدانىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئورۇنلاشقان ئەنۋەرنىڭ قىسىمى سەپ بويىچە قاتتىق ئۇرۇشماقتا ئىدى.

بويىما

  • بويىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بوياق بېرىلگەن، بوياق بىلەن بويالغان، بوياق سۈرۈلگەن.

بويىماق

  • بويىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] رەڭ بەرمەك، رەڭگە سالماق:[مىسال:] ئۇ گەۋدىسىنى كۆتۈرگەندە، بۇرنىدىن چىققان قان ساقاللىرىنى قىپقىزىل بويىۋەتكەنىدى.

بۇ

  • بۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ① سۆزلىگۈچىگە يېقىن، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى، ئۇنىڭ يېنىدىكى ياكى قولىدىكى نەرسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللىنىدۇ:[مىسال:] بۇ كىتاب كىمنىڭ[يەشمىسى:] ② سۆز بولۇۋاتقان پەيتنى ياكى ئۇنىڭغا يېقىن ۋاقىتنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ:[مىسال:] بۇ يىل قىش بالدۇرلا چۈشۈپ كەتتى.[يەشمىسى:] ③ ئېيتىپ ئۆتۈلگەن، كۆزدە تۇتۇلغان ياكى ئاڭلىغۇچى يېقىن دەپ ھېس قىلغان ئادەم، نەرسە، ۋەقە، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش ياكى ئۇلارغا ئىشارە قىلىشتا قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] بۇ ماقالە يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ.

بۇ ئالەم

  • بۇ ئالەم[يەشمىسى:] كىشىلەر ئۆلۈشتىن ئىلگىرىكى ياشىغان مەۋجۇتلۇق؛ بۇ دۇنيا.

بۇت

  • بۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] بۇددا دىنى ۋە بەزى دىن مۇرىتلىرىنىڭ خۇدا دەپ بىلىپ سەجدە قىلىش ئۈچۈن تاش، ياغاچ، لاي، گەج ياكى مېتال قاتارلىقلاردىن ياسالغان ئادەم ۋە ھايۋانات قاتارلىقلارنىڭ شەكلى، ھەيكەل.

بۇتادىئېن

  • بۇتادىئېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، مولېكۇلا فورمۇلىسى C4 H6، رەڭسىز گاز، ئاسان ئۇيۇشىدۇ ۋە سۇيۇقلىنىدۇ.

بۇتان

  • بۇتان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئالكانلارنىڭ بىر خېلى، مولېكۇلا فورمۇلىسى C4 H01، رەڭسىز يېنىشچان گاز، نېفىت ۋە تەبىئىي گازلاردا بولىدۇ.

بۇتپەرەس

  • بۇتپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇتقا چوقۇنىدىغان، بۇتقا ئېتىقاد قىلىدىغان:[مىسال:] بۇتپەرەس ئادەم.

بۇتپەرەسلىك

  • بۇتپەرەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇت ئېتىقادچىلىقى.

بۇتتەك

  • بۇتتەك[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مىدىر-سىدىر قىلماي، زۇۋان سۈرمەي ياكى جىمجىت، ھەرىكەتسىز:[مىسال:] بۇتتەك تۇرماق.

بۇتخانا

  • بۇتخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] بۇت ئورۇنلاشتۇرۇلغان جاي يەنى بۇددا دىنىنىڭ ئىبادەتخانىسى.

بۇجۇغۇر

  • بۇجۇغۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈرۈلگەن، قورۇلغان؛ بۈدۈر-بۈدۈر:[مىسال:] بۇجۇغۇر چاچ.

بۇخسۇتماق

  • بۇخسۇتماق[يەشمىسى:] «بۇخسۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۇخسۇماق

  • بۇخسۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جىنسىي تەلىپى ئاشماق:[مىسال:] قاناتلىنىپ بۇخسۇپ قالغان سېمىز ئات، ئۇچۇپ تۇرغان شاماللارغا قېتىلدى.

بۇددا

  • بۇددا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]سانسىكىرتچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] بۇددا(BUDDNA) قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «بۇرھان» (BURHAN) دېيىلىدۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ئەس-ھوش» بولۇپ، «بۇددا» (ئەس-ھوش) سەدىغارتنىڭ (ساكيامۇنىنىڭ) سېزىمگە كىرىپ، ئەس-ھوشىنى تېپىپ ئەۋلىيا بولغاندىن كېيىنكى ھۆرمەت نامى.[يەشمىسى:] ② بۇددا دىنى.

بۇددا دىنى

  • بۇددا دىنى[يەشمىسى:] دۇنيادىكى ئاساسىي دىنلارنىڭ بىرى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىⅤ، Ⅵ ئەسىرلەردە ساكيامۇنى تەرىپىدىن يارىتىلغان.

بۇددىچىلىق

  • بۇددىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇددا نوملىرىدىكى ئىدېئالىستىك پەلسەپە.

بۇددىزم

  • بۇددىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]سانسىكىرتچە+رۇسچە[[يەشمىسى:] بۇددا دىنى.

بۇددىست

  • بۇددىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]سانسىكىرتچە+رۇسچە[[يەشمىسى:] بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى شەخس؛ بۇتقا چوقۇنىدىغان ئادەم.

بۇددىستلىق

  • بۇددىستلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىش، بۇتقا چوقۇنۇش پائالىيىتى.

بۇدرۇق

  • بۇدرۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەدەن گۆشلىرى يۇمران، بوغماق-بوغماق، سېمىز، ساغلام:[مىسال:] بۇدرۇق بالا.

بۇدساتۋا

  • بۇدساتۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]سانسىكىرتچە[[يەشمىسى:] بۇددا دىنى مۇرىتلىرىنىڭ ساكيامۇنىنى ھۆرمەتلەپ ئاتىشى، شۇنداقلا ئۇ يەنە بۇددا دىنىدىكى ئىلاھنى كۆرسىتىدۇ.

بۇدۇشقاق

  • بۇدۇشقاق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئۈچ بۇلۇڭلۇق؛ مېۋىسىنىڭ سىرتىدا تىكەنلىرى بار، ئۇرۇقى جۇڭگو تېبابەتچىلىكىدە دورا قىلىنىدۇ؛[يەشمىسى:] ئىششىق قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، ھۆللۈكنى ھەيدەش، يەل تارقىتىش رولى بار. ئۇنىڭدىن ماي ئېلىشقىمۇ بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. كۆچمە[يەشمىسى:] (ئادەملەرگە نىسبەتەن) ئاجرالمايدىغان، چاپلاشقاق:[مىسال:] لۇتپۇللا كۆڭلىدە «بىر بۇدۇشقاق رودۇپايدىن ئازاد بوپتىمەن» دەپ ئىنتايىن خۇشال بولدى.

بۇدۇشقاقلىق

  • بۇدۇشقاقلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇدۇشقاق بار، بۇدۇشقاق ئۆسكەن:[مىسال:] بۇدۇشقاقلىق يەر. بۇدۇشقاقلىق ئېتىز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇدۇشقاق كۆپ ئۆسكەن جاي:[مىسال:] بەڭۋاش قويلار سوپىتاينىڭ شۇنچە توسۇشلىرىغا قارىماي، ئۇدۇل بۇدۇشقاقلىققا قاراپ چېپىپ كېتىشتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھە دېگەندە كىشىنىڭ كۆزىگە كىرىۋالىدىغان، يېپىشىۋالىدىغان بىر خىل قىلىق، يېپىشقاقلىق:[مىسال:] تويغا جىددىي جابدۇنۇۋاتقان ياش ئايال، ئۆزىگە ئەگىشىپ يىغلاۋاتقان ئوغلىغا قاراپ:[مىسال:] بۇدۇشقاقلىقىڭ قاچانمۇ تۈگەر-ھە دەپ كايىپ قويدى.

بۇدۇڭتەي

  • بۇدۇڭتەي[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ① تەۋرەنمەي، مەزمۇت:[مىسال:] ئۇ بۇدۇڭتەي تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھېچنېمىنى غەم قىلماي، خاتىرجەم، غەمسىز:[مىسال:] ئۇ: ئاكاڭ قارىغاي ئابلەق بۇدۇڭتەي ھارىقىنى ئىچىپ ئويناۋاتىدۇ، دەپ خىيال سۈردى.

بۇدۇڭشىماق

  • بۇدۇڭشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] باغلاق، سولاق قاتارلىقلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تېپىرلاپ ھەرىكەت قىلماق.

بۇراتماق

  • بۇراتماق[يەشمىسى:] «بۇرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۇرادەر

  • بۇرادەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئاكا-ئۇكا، ئاغا-ئىنىلەردەك يېقىن دوست؛ ئاغىنە، يولداش:[مىسال:] بىر كۈنى «ئىتتىپاق» ژۇرنىلىغا بىر بۇرادەر مەسەل يېزىپ كەپتۇ.

بۇرادەرچىلىك

  • بۇرادەرچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاغىنىدارچىلىق:[مىسال:] مەخسۇت ئاكا بىلەن شائىر لۇتپۇللانىڭ بۇرادەرچىلىكى كېيىنكى چاغلاردا بەك يېقىن بولۇپ كەتتى.

بۇرادەرلىك

  • بۇرادەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «بۇرادەرچىلىك»كە قاراڭ:[مىسال:] دۇنيادا دوستلۇق، بۇرادەرلىك، قېرىنداشلىق دېگەندەك گۈزەل چۈشەنچىلەرمۇ بار.

بۇراشماق

  • بۇراشماق[يەشمىسى:] «بۇرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بۇراق

  • بۇراق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] رەتكە ئۆتمىگەن، يارامسىز:[مىسال:] بۇراق تېرە. بۇراق مال. بۇراق پاقلان.

بۇرالقا

  • بۇرالقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ياقا يۇرتتىن كېلىپ قالغان، ئىشىكمۇئىشىك دوقۇرۇپ يۈرگۈچى، مۇساپىر.

بۇرالما

  • بۇرالما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇرالغان، بۇراپ قويۇلغان ياكى بۇرىلىدىغان.

بۇرالماق

  • بۇرالماق[يەشمىسى:] «بۇرىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئايخان يىراقلاپ كەتكەندىن كېيىنلا كەينىگە بۇرالدى.

بۇرام

  • بۇرام[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر قېتىم بۇراشتىن كېلىپ چىققان نەتىجە؛ ھالەت؛ ئورام.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ئورام، يۆگەم:[مىسال:] سۇنۇر ئىككى-ئۈچلا شوراپ بىر بۇرام تاماكىنى تۈگەتتى.

بۇرج

  • بۇرج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] قۇياشنىڭ يىللىق ھەرىكەت يولىنى بويلاپ جايلاشقان ئون ئىككى يۇلتۇزلار تۈركۈمىنىڭ جىمىسى ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىرى.

بۇرجەك

  • بۇرجەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ تەرەپلىرىنىڭ كېسىشكەن جايى؛ ئۇچ:[مىسال:] كارىۋاتنىڭ ئىككى تەرىپىگە بۇرجەكلىرى چوقچايتىپ چىقىرىلغان ئىككى ياستۇق تىزىلغانىدى.[يەشمىسى:] ② ئۆي، بىنا ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ تەرەپلىرى تۇتاشقان جايى؛ بۇلۇڭ:[مىسال:] ئۇلار ئۆزلىرىگە ئارتۇقىنى قالدۇرۇپ ئون مىڭ تەڭگىنى ئۆينىڭ بۇرجەكلىرىگە كۆمۈپتۇ.[يەشمىسى:] ③ كوچىلارنىڭ، يوللارنىڭ بۇرۇلغان، قايرىلغان جايى؛ دوقمۇش:[مىسال:] كۈنلەرنىڭ بىرىدە دېھقان كوچىنىڭ بۇرجىكىدىن ئىلدام ئايلىنىپ كېتىۋاتسا، بىر ھۇرۇن ئۇچراپتۇ.[يەشمىسى:] ④ چەت، يىراق جاي؛ بۇلۇڭ-پۇچقاق:[مىسال:] يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەربىر بۇرجەكلىرىدىن تەبرىك خەتلىرى ئەۋەتىلگەنىدى.

بۇرجۈن

  • بۇرجۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئەرمۇدۇن ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چاتقال. يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە، گۈلى ئاق بولىدۇ؛ مېۋىسى ئۇزۇن ۋە ئېللىپس شەكلىدە كېلىدۇ.

بۇرچ

  • بۇرچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەجبۇرىي ئۆتەشكە، ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپە:[مىسال:] ۋەتەننى قوغداش ھەرقانداق ئادەمنىڭ مۇقەددەس بۇرچى.

بۇرچلۇق

  • بۇرچلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇرچى، بۇرچ تۇيغۇسى بار، بۇرچقا ئىگە.

بۇرداⅠ

  • بۇرداⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كىچىك، پارچە، بۆلەك:[مىسال:] بىر بۇردا نان.

بۇرداⅡ

  • بۇرداⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالدام، ساختا:[مىسال:] بۇردا بولماق. بۇردا قىلماق.

بۇردا-بۇردا

  • بۇردا-بۇردا[يەشمىسى:] پارچە-پارچە، بۆلەك-بۆلەك، ئۇششاق-ئۇششاق:[مىسال:] ئات ئۇنى ھەم چىشلەپ، ھەم تېپىپ، ھەش-پەش دېگۈچە بۇردا-بۇردا گۆشكە ئايلاندۇرۇۋېتىپتۇ.

بۇردىلاتماق

  • بۇردىلاتماق[يەشمىسى:] «بۇردىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۇردىلاشماق

  • بۇردىلاشماق[يەشمىسى:] «بۇردىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بۇردىلانماق

  • بۇردىلانماق[يەشمىسى:] «بۇردىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بۇردىلىماق

  • بۇردىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پارچىلىماق، ئۇششاقلىماق:[مىسال:] ئۇ ئالدى بىلەن ناننىڭ بىر پارچىسىنى بۇردىلاپ «بىسمىللا» نى مەن ئاڭلىغۇدەك ئېيتىپ ئاغزىغا سالدى.

بۇرژۇئا

  • بۇرژۇئا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] «بۇرژۇئازىيە»گە قاراڭ.

بۇرژۇئاز

  • بۇرژۇئاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] بۇرژۇئازىيە سىنىپىغا مەنسۇپ كىشى، بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ ۋەكىلى.

بۇرژۇئازلاشتۇرماق

  • بۇرژۇئازلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «بۇرژۇئازلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۇرژۇئازلاشماق

  • بۇرژۇئازلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بۇرژۇئازغا ئايلانماق، بۇرژۇئا روھى بىلەن سۇغۇرۇلماق.

بۇرژۇئازىيە

  • بۇرژۇئازىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئىگە بولغان ھەمدە ياللانما ئەمگەكنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىپ، قوشۇمچە قىممەت شورىۋالىدىغان كىشىلەر توپى.

بۇرژۇئازىيىلىك

  • بۇرژۇئازىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇرژۇئازىيە كۆز قاراشلىرىغا ئاساسلانغان، شۇ ئاساستا ئېلىپ بېرىلغان؛ بۇرژۇئازىيىگە خاس، بۇرژۇئازىيە خاراكتېرىدىكى.

بۇرغاⅠ

  • بۇرغاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] كانچىلىق، نېفىت، خىمىيە سانائىتى، گېئولوگىيىلىك قىدىرىش ۋە شۇ قاتارلىق ئىشلاردا قېزىش، كولاش، تېشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنە.

بۇرغاⅡ

  • بۇرغاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كالا، تاغ تېكىسى قاتارلىقلارنىڭ مۈڭگۈزىدىن ياسىلىدىغان، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان، بىر خىل قەدىمىي چالغۇ ئەسۋابى.

بۇرغا-ناغرا

  • بۇرغا-ناغرا[يەشمىسى:] بۇرغا ۋە ناغرا، ئومۇمەن ئاۋازى بوم ھەم كۈچلۈك چىقىدىغان تۈرلۈك داقا-دۇمباقلار.

بۇرغىلاتماق

  • بۇرغىلاتماق[يەشمىسى:] «بۇرغىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۇرغىلاشماق

  • بۇرغىلاشماق[يەشمىسى:] «بۇرغىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بۇرغىلانماق

  • بۇرغىلانماق[يەشمىسى:] «بۇرغىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بۇرغىلىق

  • بۇرغىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇرغىسى بار، بۇرغىغا ئىگە؛ بۇرغا ئارقىلىق بولىدىغان، بۇرغا ياردىمىدە ئورۇنلىنىدىغان.

بۇرغىلىماق

  • بۇرغىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بۇرغا بىلەن كولىماق، قازماق:[مىسال:] يەرنى بۇرغىلىماق.

بۇرما

  • بۇرما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغاچ ياكى قاتتىق نەرسىلەرگە تۆشۈك ئېچىشقا ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب؛ ئۈشكە:[مىسال:] بۇرما بىلەن تۆشۈك تەشمەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دېتاللارنىڭ تاشقى ياكى ئىچكى يۈزىگە ئايلاندۇرۇپ چىقىرىلغان ئورام شەكىللىك چىش، رېزبا:[مىسال:] بۇرما چىقارماق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئايلانما ھالەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغان ياكى ئىلگىرىلەيدىغان:[مىسال:] بۇرما شەكىلدىكى ھەرىكەت.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇراپ كىرگۈزۈلىدىغان:[مىسال:] بۇرما مىخ.

بۇرمىلاتماق

  • بۇرمىلاتماق[يەشمىسى:] «بۇرمىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۇرمىلاشماق

  • بۇرمىلاشماق[يەشمىسى:] «بۇرمىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بۇرمىلانماق

  • بۇرمىلانماق[يەشمىسى:] «بۇرمىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] روشەنكى، بۇ ھېكايىدا پاكىت بۇرمىلانغان.

بۇرمىلىق

  • بۇرمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇرمىسى بار، بۇرىلىدىغان:[مىسال:] بۇرمىلىق مىخ. بۇرمىلىق لامپۇچكا.

بۇرمىلىماق

  • بۇرمىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بۇرما مىخ بىلەن چىڭىتماق:[مىسال:] تاختاينىڭ ئاجراپ كەتكەن جايىنى بۇرما مىخ بىلەن بۇرمىلاپ قويۇڭلار.[يەشمىسى:] ② ئەسلىي ھالىتىنى، قىياپىتىنى، مەنىسىنى ئۆزگەرتمەك، پاكىتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلماق:[مىسال:] سىياسەتنى بۇرمىلىماق. ئۇلار سوتسىيالىستىك مائارىپ فاڭجېنىنى خالىغانچە بۇرمىلىدى.

بۇرناكۈن

  • بۇرناكۈن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]بۇرۇن+ئاۋۇ+كۈن[[يەشمىسى:] ئۆتۈپ بولغان كۈننىڭ ئالدىدىكى كۈن؛ ئۈلۈشكۈن.

بۇرناكۈنكى

  • بۇرناكۈنكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇرناكۈن بولغان، بۇرناكۈن يۈز بەرگەن:[مىسال:] بۇرناكۈنكى ئىش ئسىڭدىمۇ

بۇرھان

  • بۇرھان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇددا دىنىي ئىلاھى.

بۇروۋاي

  • بۇروۋاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بۇرغا.

بۇرۇت

  • بۇرۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەملەرنىڭ بۇرنىنىڭ ئاستى ۋە يۇقىرىقى لېۋىنىڭ ئۈستىگە چىقىدىغان موي، تۈك.[يەشمىسى:] ② بەزى ھايۋانلارنىڭ ئۈستۈنكى تۇمشۇقىغا چىققان سېزىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تۈك:[مىسال:] مۈشۈكنىڭ بۇرۇتى. بېلىقنىڭ بۇرۇتى.

بۇرۇتىغا چاڭگا (چالما) تىزماق

  • بۇرۇتىغا چاڭگا (چالما) تىزماق[يەشمىسى:] ھىيلە ئىشلەتمەك، ھىيلە بىلەن ئالدىماق:[مىسال:] سەن شۇم تېخى داداڭنىڭ بۇرۇتىغا چاڭگا تىزغۇدەك بولدۇڭمۇ

بۇرۇتلۇق

  • بۇرۇتلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇرۇتى بار، بۇرۇت قويغان:[مىسال:] ئۆزلىرى ئەيسا پاششاپقۇ دەيمەن دېدى پادىچى يىگىت بۇرۇتلۇق، بۇقا بويۇن ئادەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ.

بۇرۇقتۇرما

  • بۇرۇقتۇرما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كىشىنىڭ نەپىسىنى بوغىدىغان، دېمىنى سىقىدىغان؛ تىنچىق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۆيدىكى بۇرۇقتۇرما سېسىقلىقتىن قىلچە كۆڭلى ئاينىمايتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان، ئىچىنى پۇشۇرىدىغان، زېرىكتۈرىدىغان:[مىسال:] مەن غەمكىن ۋە بۇرۇقتۇرما كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم.

بۇرۇقتۇرماق

  • بۇرۇقتۇرماق[يەشمىسى:] «بۇرۇقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۇرۇقتۇرمىلىق

  • بۇرۇقتۇرمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇرۇقتۇرما ھالەت:[مىسال:] ئۆي ئىچىنى كىشىنىڭ نەپىسى سىقىلغۇدەك بۇرۇقتۇرمىلىق قاپلىدى.

بۇرۇقتۇم

  • بۇرۇقتۇم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «بۇرۇقتۇرما»غا قاراڭ:[مىسال:] بۇرۇقتۇم بولماق.

بۇرۇقتۇملۇق

  • بۇرۇقتۇملۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «بۇرۇقتۇرمىلىق»قا قاراڭ.

بۇرۇقماق

  • بۇرۇقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نەپىسى بوغۇلۇپ، دېمى سىقىلماق، تۇنجۇقماق:[مىسال:] ئۇ ئۆي ئىچىنى قاپلاپ كەتكەن ئىس ئىچىدە بۇرۇقۇپ كەتكەنلىكتىن، يورۇق كۆرۈنگەنلىكى جايغا ئۆزىنى ئاتاتتى.

بۇرۇلدۇرماق

  • بۇرۇلدۇرماق[يەشمىسى:] «بۇرۇلماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۇرۇلكا

  • بۇرۇلكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئىشتان، شىم، شالۋۇر.

بۇرۇلماق

  • بۇرۇلماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گەۋدىنى، يۆلىنىشنى يەنە بىر تەرەپكە ئايلاندۇرۇپ يۈزلەنمەك:[مىسال:] ھارۋا مەھەللىدىن چىقىپ، ئېتىز تەرەپكە بۇرۇلدى.

بۇرۇلۇش

  • بۇرۇلۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① گەۋدىسىنى بىر تەرەپكە بۇراش.[يەشمىسى:] ② يولنىڭ بۇرۇلۇپ ئايلىنىپ ماڭىدىغان قىسمى؛ ئەگىم:[مىسال:] پويىز بۇرۇلۇشلاردىن ئۆتۈشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ③ ئۆزگىرىش:[مىسال:] بۇرۇلۇش ياسىماق.

بۇرۇنⅠ

  • بۇرۇنⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ پۇراش، نەپەسلىنىش ئەزاسى:[مىسال:] بۇرنى چوڭ. بۇرنى قانىماق.[يەشمىسى:] ② قوغۇن، تاۋۇز قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ ساپىقى ئورۇنلاشقان يېرىنىڭ قارشى تەرىپى:[مىسال:] قوغۇننىڭ بۇرنى.

بۇرنىدىن بۇلاق قىلماق

  • بۇرنىدىن بۇلاق قىلماق[يەشمىسى:] قاتتىق ئەدىپىنى، تېگىشلىك جازاسىنى بەرمەك.

بۇرنىدىن چۈلۈك ئۆتكۈزمەك

  • بۇرنىدىن چۈلۈك ئۆتكۈزمەك[يەشمىسى:] بۇيرۇقىدىن، گېپىدىن چىقمايدىغان، نېمە دېسە شۇنى قىلىدىغان قىلىۋەتمەك:[مىسال:] ئاتىسى قېيىدىغاندەك قىلىپ: كىشىلەر سېنىڭ بۇرنۇڭدىن چۈلۈك ئۆتكۈزۈۋاپتۇ، دېدى.

بۇرنىدىن چىقارماق

  • بۇرنىدىن چىقارماق[يەشمىسى:] قاتتىق ئەدەپلىمەك، ئاللا-توۋىسىنى كۆرسەتمەك.

بۇرنىدىن چىققۇچە

  • بۇرنىدىن چىققۇچە[يەشمىسى:] راسا تويغۇچە:[مىسال:] بۇرنىمىزدىن چىققۇچە يەيلى، دېدى ياسىن.

بۇرنىدىن ئىلىنماق

  • بۇرنىدىن ئىلىنماق[يەشمىسى:] ① ئۆز قىلمىشلىرى ئارقىلىق تۇتۇلماق، ئاشكارىلانماق. [يەشمىسى:] ② بىراۋنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ قالماق، چېتىلىپ قالماق.

بۇرنىدىن يېتىلىمەك

  • بۇرنىدىن يېتىلىمەك[يەشمىسى:] خالىغانچە باشقۇرماق، قارشىلىق قىلالمايدىغان ھالغا كەلتۈرمەك.

بۇرنىغا سۇ كىرمەك

  • بۇرنىغا سۇ كىرمەك[يەشمىسى:] قاتتىق ئاچچىق ساۋاققا ئىگە بولماق:[مىسال:] قاسىمنىڭ بۇرنىغا بىر قېتىم سۇ كىردى.

بۇرنىغا مۇشت يېمەك

  • بۇرنىغا مۇشت يېمەك[يەشمىسى:] زەربىگە ئۇچرىماق، پەشۋا يېمەك:[مىسال:] ھاپىز بوۋاي: − ئىدىرىس بۇرنىغا مۇشت يەپ ئادەم بولدى...، − دېدى.

بۇرنىغا يېمەك

  • بۇرنىغا يېمەك[يەشمىسى:] «بۇرنىغا مۇشت يېمەك»كە قاراڭ:[مىسال:] بەڭۋاش بالىلار بىر-ئىككى قېتىم بۇرنىغا يېگەندە ئاندىن ئادەم بولىدۇ.

بۇرنىنىڭ بېزىنى ئالماق

  • بۇرنىنىڭ بېزىنى ئالماق[يەشمىسى:] كېلىشتۈرۈپ ئەدىپىنى بەرمەك؛ جايلىماق:[مىسال:] سىيىت ئاكا يىغلامسىراپ: − توختاپتۇر، سەن خۇمسىلارنىڭ بۇرنىنىڭ بېزىنى ئالمىسام، − دېدى.

بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرمەك

  • بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرمەك[يەشمىسى:] يىراق كەلگۈسىنى ئەمەس، پەقەت ھازىرنىلا كۆرمەك:[مىسال:] ئەقىللىق يىراقنى ئويلاپ يول يۈرەر، كەم ئەقىل بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرەر.

بۇرۇنⅡ

  • بۇرۇنⅡ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① ئىلگىرى، ئىلگىرىكى چاغلاردا:[مىسال:] بۇرۇن بىر يېزىدا ئوبۇل دېگەن بىر كىشى بار ئىكەن.[يەشمىسى:] ② ۋەقە، ھادىسە ياكى شۇ ھەقتە سۆز بولۇۋاتقان پەيتتىن ئالدىن، بالدۇر:[مىسال:] تويغا بارساڭ بۇرۇن بار، بۇرۇن بارساڭ ئورۇن بار (ماقال).

بۇرۇن-بۇرۇندىن

  • بۇرۇن-بۇرۇندىن[يەشمىسى:] ناھايىتى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىن، ئەزەلدىن، قەدىمكى زامانلاردىن.

بۇرۇندىن

  • بۇرۇندىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئەزەلدىن، قەدىمدىن:[مىسال:] بۇ ئادەمنىڭ مىجەزى بۇرۇندىن تارتىپ شۇنداق.

بۇرۇنقى

  • بۇرۇنقى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئاۋۋالقى، ئىلگىرىكى؛ كونا، قەدىمكى، ئۆتمۈشتىكى:[مىسال:] بۇرۇنقى ئادەملەر، بۇرۇنقى مەكتەپلەر. بۇرۇنقى زامان.[يەشمىسى:] ② بىرەر پەيتتىن؛ ۋەقە، ھادىسىدىن ئالدىن بولغان؛ ئىلگىرىكى:[مىسال:] ئۇ بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇنقى ئىش ئىدى.

بۇرۇنقىلار

  • بۇرۇنقىلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەدىمكى ئادەملەر، ئاتا-بوۋىلار، ئۆتكەن ئەجدادلار.

بۇرۇنلۇق

  • بۇرۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «چۈلۈك»كە قاراڭ.

بۇرىماق

  • بۇرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① باشقا تەرەپكە قاراتماق، قايرىماق، ئەگمەك:[مىسال:] ئادىل بېشىنى يېرىم بۇراپ قادىرغا بىر قاراپ قويدى.[يەشمىسى:] ② ئايلاندۇرماق، تولغىماق:[مىسال:] سائەتنى بۇرىماق. گايكىنى بۇرىماق.[يەشمىسى:] ③ ھەرىكەت يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتمەك:[مىسال:] ئۇ ماشىنىنى ئوڭغا بۇراپ، ئۇچقاندەك ھەيدىدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يۆنەلدۈرمەك، قاراتماق:[مىسال:] مەركىزىي كومىتېتنىڭ چاقىرىقى بويىچە خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىغا بۇرىدۇق.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆچۈرمەك، يۆتكىمەك (گەپ-سۆزنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە):[مىسال:] ئايالىم مېنىڭ راستتىن ئاچچقىلانغانلىقىمنى كۆرۈپ، گەپنى باشقا ياققا بۇرىدى.

بۇزدۇرماق

  • بۇزدۇرماق[يەشمىسى:] «بۇزماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ قۇرۇلۇشنى بۇزدۇرغان ئېغىر گۇناھقا ئىگە بولىدۇ.

بۇزغۇنچى

  • بۇزغۇنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇزۇش بىلەن شوغۇللانغۇچى:[مىسال:] بۇزغۇنچى ئۇنسۇر.

بۇزغۇنچىلىق

  • بۇزغۇنچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇزۇش خاراكتېرىنى ئالغان زىيانلىق ھەرىكەتلەر:[مىسال:] بۇزغۇنچىلىق سالماق. بۇزغۇنچىلىق قىلماق.

بۇزماق

  • بۇزماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر يۈرۈش ياكى بىر پۈتۈن نەرسىنى پارچىلىماق، چۇۋۇماق، سۆكمەك، ئاغدۇرماق، ۋەيران قىلماق، كېرەكتىن چىقارماق:[مىسال:] ئۆينى بۇزماق. ماشىنىنى بۇزماق.[يەشمىسى:] ② يوق قىلىۋەتمەك، يوقاتماق:[مىسال:] ئۇ شىمىنىڭ قىرىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن تىزىنى ئۈستىگە سەل تارتىپ ئاۋايلاپ ئولتۇردى.[يەشمىسى:] ③ يارامسىز، لايىقسىز، سۈپەتسىز قىلىپ قويماق؛ ئەپلەشتۈرەلمەي قالماق:[مىسال:] ئۇ تۇزنى تەڭشىيەلمەي، ئاشنى بۇزۇپ قويۇپتۇ.[يەشمىسى:] ④ ھەقىقەتتىكىدىن، ئەسلىدىكىدىن باشقىچە قىلىپ ئىپادىلىمەك (گەپ-سۆز ھەققىدە):[مىسال:] ئۇ يېتىپ كېلىپ نادەمنىڭ مەيدىسىگە نوقۇپ: ما ياققا ماڭ، بىزنىڭ سەينى ئالىدۇ مەن پۇل بېرىدۇ، دېدى ئۇيغۇر تىلىنى بۇزۇپ سۆزلەپ.[يەشمىسى:] ⑤ مەۋجۇت ۋەزىيەتنى، كەيپىياتنى، ھالەتنى ئۆزگەرتمەك؛ دەخلى قىلماق:[مىسال:] تىنچلىقنى بۇزماق. جىملىقنى بۇزماق. تەلەتىنى بۇزماق.[يەشمىسى:] ⑥ ماس كەلمەي قالماق، نۇقسان يەتكۈزمەك:[مىسال:] يېڭى سېلىنغان بىنالار ئارىسىدىكى بۇ قەدىمىي ئۆيلەر قورۇنىڭ يېڭىچە ھۆسنىنى بۇزۇپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ⑦ بەربات قىلماق، بىكار قىلماق، يوققا چىقارماق:[مىسال:] پىلاننى بۇزماق. * ئىشنى يەنىلا نۇرمۇھەممەت بۇزدى.[يەشمىسى:] ⑧ رىئايە، ئەمەل قىلماي، خىلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانماق:[مىسال:] قانۇننى بۇزماق، ۋەدىنى بۇزماق.[يەشمىسى:] ⑨ سوغۇقچىلىق چۈشۈرۈپ يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلماق؛ يامانلاشتۇرماق، چاتاقلاشتۇرماق، ئايرىۋەتمەك:[مىسال:] ئارىنى بۇزماق. ئائىلىنى بۇزماق. * يامان ھارۋا يول بۇزار، يامان ئادەم يۇرت بۇزار (ماقال).[يەشمىسى:] 01 ئەسلىدىكى چەكنى بۆسۈپ ئۆتمەك؛ ھالقىماق:[مىسال:] رېكورتنى بۇزماق.[يەشمىسى:] 11 روھىي جەھەتتىن چىرىتمەك؛ توغرا يولدىن ئازدۇرماق؛ ئاينىتماق:[مىسال:] چاقنى بۇزغان خانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى (ماقال).[يەشمىسى:] 21 ئىپپەت-نومۇسىنى دەپسەندە قىلماق، ئىپپەت-نومۇسىغا تەگمەك، ئاياغ ئاستى قىلماق (قىزلار ھەققىدە):[مىسال:] نامەتنىڭ پۇل بىلەن ياش قىزلارنى بۇزغانلىقى ھەققىدىكى ماتېرىيالغا ئاساسەن يېقىندا ساقچى ئىدارىسى ئۇنى قولغا ئالدى.[يەشمىسى:] 31 بىھۇدە سەرپ قىلماق، ئىسراپ قىلماق، زايە قىلماق:[مىسال:] پۇلنى بۇزماق.

بۇزۇشماق

  • بۇزۇشماق[يەشمىسى:] «بۇزماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قارارىنى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلار ئۆزلىرى بۇزۇشتى.

بۇزۇق

  • بۇزۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بۇزۇلۇپ ئىشلىمەيدىغان ھالغا كەلگەن، ئىشتىن چىققان:[مىسال:] بۇزۇق تراكتور.[يەشمىسى:] ② ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچار، ئەخلاقسىز:[مىسال:] بۇزۇق ئايال.[يەشمىسى:] ③ نىيىتى يامان؛ نىيىتىنى، پەيلىنى بۇزغان؛ يامان نىيەتكە كەلگەن:[مىسال:] بىز بۇزۇق ئادەملەرنى قەتئىي جازالايمىز.

بۇزۇقچىلىق

  • بۇزۇقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇزۇق كىشىلەرگە خاس ئىش-ھەرىكەت؛ ئەخلاقسىزلىق:[مىسال:] بۇزۇقچىلىق قىلماق.

بۇزۇقلۇق

  • بۇزۇقلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇزۇلغان، بۇزۇپ قويۇلغان:[مىسال:] ۋېلسىپىت بۇزۇقلۇق پېتى تۇرمامدۇ[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەخلاقسىزلىق؛ بۇزۇقچىلىق:[مىسال:] بۇرۇن مەلۇم بىر يۇرتتا بۇزۇقلۇقتا ئۇچىغا چىققان بىر باي ئۆتكەنىكەن.

بۇزۇلماق

  • بۇزۇلماق[يەشمىسى:] ① «بۇزماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئاناڭ ئۆگەي بولسا، تويۇڭ بۇزۇلار (ماقال). * ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزۈلىدۇ، خوتۇن كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلىدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② «بۇزماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] چۈشتىن كېيىن ئۇشتۇمتۇت ھاۋا بۇزۇلدى.[يەشمىسى:] ③ نىكاھلىق يولدىشىدىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا بىرىگە قارىماق، بېرىلمەك:[مىسال:] پاتەمخان بالىسىغا ئېچىنىش بىلەن قارىغاندىن كېيىن: بۇنىڭ دادىسى... كېيىن ھازىرقى خوتۇنىغا بۇزۇلۇپ، مېنى ئاجرىشىشقا قىستىدى، دېدى.

بۇزۇن

  • بۇزۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۈچقات ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. كىچىك يوپۇرماقلىرى بەش تال بولۇپ، سوقىچاق كېلىدۇ؛ گۈلنىڭ رەڭگى سارغۇچ ياكى ئاقۇچ يېشىل مېۋىسى شىرنىلىك، رەڭگى توق قىزىل ۋە شارسىمان كېلىدۇ؛ يىلتىز پوستى ۋە يۇمران شېخى دورا قىلىنىدۇ، پەينى بوشىتىش، قاننى جانلاندۇرۇش، رېماتىزمنى داۋالاش رولى بار.

بۇزىلىماق

  • بۇزىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىشىككە بۇزا بېكىتمەك، ئورناتماق.

بۇژ

  • بۇژ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] كۆپىنچە سۇيۇقلۇقنىڭ كۆپۈكلىشىشى ياكى قاينىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.

بۇژژىدە

  • بۇژژىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «بۇژ» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئۇنىڭ توپا قونغان يۈزىدە، قۇلاق تۈۋىدە بۇژژىدە ئۆرلەپ چىققان تەر تامچىلىرى يالتىرايتتى.

بۇژغۇن

  • بۇژغۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇنىڭ دولقۇنلىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئاق كۆپۈك.

بۇژغۇنلانماق

  • بۇژغۇنلانماق[يەشمىسى:] «بۇژغۇنلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بۇژغۇنلۇق

  • بۇژغۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇژغۇن بار، بۇژغۇن ئۆرلەپ تۇرغان، بۇژغۇنلىغان.

بۇژغۇنلىماق

  • بۇژغۇنلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بۇژغۇن ھاسىل قىلماق:[مىسال:] باراقسان سۆگەت تاللىرى بۇژغۇنلاپ ئېقىۋاتقان سۇ يۈزىنى سۆيۈپ ئەركىلەيدۇ.

بۇژۇلداتماق

  • بۇژۇلداتماق[يەشمىسى:] «بۇژۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۇژۇلداشماق

  • بۇژۇلداشماق[يەشمىسى:] «بۇژۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بۇژۇلدىماق

  • بۇژۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بۇژ-بۇژ ئاۋاز چىقارماق، بۇژ-بۇژ قىلماق:[مىسال:] ھاپىز موللىنىڭ ئاغزىدا كۆپۈك بۇژۇلداپ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.

بۇس

  • بۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نەرسە-كېرەكلەردىن، ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ تىنىقىدىن چىققان سېسىق ئاچچىق پۇراق؛ ھىد:[مىسال:] ئاغرىقنى بۇس ئۆلتۈرەر، يىگىتنى نومۇس (ماقال).[يەشمىسى:] ② پىشۇرۇلغان نەرسىلەردىن چىققان ھور:[مىسال:] تونۇرنىڭ بىر تەرىپىدىن بۇس چىقىپ تۇراتتى.

بۇسلۇق

  • بۇسلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇسى بار، بۇس چىقىۋاتقان، بۇسقا تولغان:[مىسال:] بۇسلۇق ئۆي.

بۇغ

  • بۇغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇيۇق جىسىملارنىڭ قىزىتىلغاندىن كېيىنكى گاز ھالىتى.

بۇغا

  • بۇغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ① سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدىكى كۆشىگۈچىلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان ھايۋان. ئەركەكلىرىنىڭ بېشىدا مۈڭگۈزى بولىدۇ، بەزى تۈردىكى چىشىلىرىنىڭمۇ مۈڭگۈزى بولىدۇ؛ تۈكلىرىنىڭ ھەممىسى بېغىر رەڭ، بەزىلىرىنىڭ ئالىسى ياكى يوللىرى بولىدۇ؛ ئاڭلاش ۋە پۇراش سەزگۈلىرى ئۆتكۈر كېلىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ ھايۋاننىڭ ئەركىكىنىڭ نامى.

بۇغا-مارال

  • بۇغا-مارال[يەشمىسى:] بۇغا ۋە مارال، بۇغا ۋە شۇ تۈردىكى ھايۋانلار.

بۇغداي

  • بۇغداي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تېرىش ۋاقتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ يازغى بۇغداي، كۈزگى بۇغداي دەپ ئايرىلىدۇ. [يەشمىسى:] ② مۇشۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى.

بۇغدايلىق

  • بۇغدايلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇغداي تېرىلغان ياكى ئۆسكەن ئېتىز:[مىسال:] بۇغدايلىقنى ئارىلىماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇغدىيى بار، بۇغدايغا ئىگە:[مىسال:] تراكتورلار يول سالدى، سالا ئېتىز باغرىغا. بۇغدايلىق بولۇپ قالدۇق، تويمىغانلار زاغرىغا.

بۇغدىيەك

  • بۇغدىيەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئەرلەر بوينىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا بولىدىغان قالقانسىمان كۆمۈرچەك.

بۇغدىيەكلىك

  • بۇغدىيەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇغدىيىكى بار، بۇغدىيىكى سەل چوڭ:[مىسال:] ئۇزۇن بويۇن بۇغدىيەكلىك قارامتۇل بىر كىشى كېلىپ لام-مىم دېمەي ئۇنىڭ يېنىدا كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇردى.

بۇغرا

  • بۇغرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەركەك تۆگە.

بۇغىتاپان

  • بۇغىتاپان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بۇغا+تاپان[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بۇغىتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى يۇمىلاق، گۈلى ئاق بولىدۇ. تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ. پەي، سۆڭەكلەرنى كۈچلەندۈرۈش، رېماتىزمنى داۋالاش، قان توختىتىش رولىغا ئىگە.

بۇغىچى

  • بۇغىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇغا باققۇچى، بۇغا باقىدىغان كىشى.

بۇغىچىلىق

  • بۇغىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇغا بېقىش ئىشى.

بۇغىئوت

  • بۇغىئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بۇغا+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئېگىزلىكى بىر مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ؛ پۈتۈن تېنىدە ئاقۇچ كۈل رەڭ يۇمشاق تۈكلىرى بولىدۇ؛ غولى تىك ئۆسىدۇ، شاخلىمايدۇ، گۈلى قىزغۇچ سۆسۈن بولۇپ، غولىنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ؛ تاغ باغرى ۋە نەم جايلاردا، ئوتلاقلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ؛ يىلتىزى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، نېرۋا ئاجىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئىشتىھا تۇتۇلۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ.

بۇفېت

  • بۇفېت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] پېچىنە-پىرەنىك، قەنت-گېزەك، تاماكا ۋە ھەر خىل ئىچىملىك قاتارلىقلارنى ساتىدىغان كىچىك ماگىزىن، دۇكان.

بۇق

  • بۇق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] كەپتەر دەم تۇتقاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

بۇقاⅠ

  • بۇقاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كالىنىڭ پىچىلمىغان ئەركىكى.

بۇقاⅡ

  • بۇقاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەريا، ئېقىن سۇلىرىنى قايتۇرۇش ياكى مەلۇم ئېگىزلىككە سۇ چىقىرىش ئۈچۈن تۈرمەل سالغاندا كېرەك بولىدىغان ئۈچ ئاچا قىلىپ باغلانغان ياغاچ.

بۇق-بۇق

  • بۇق-بۇق[يەشمىسى:] «بۇق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

بۇقۇلداتماق

  • بۇقۇلداتماق[يەشمىسى:] «بۇقۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۇقۇلداشماق

  • بۇقۇلداشماق[يەشمىسى:] «بۇقۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بۇقۇلدىماق

  • بۇقۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بۇق-بۇق قىلغان ئاۋاز چىقارماق، بۇق-بۇق قىلماق:[مىسال:] ئۇ ئانىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.

بۇقىچاق

  • بۇقىچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك بۇقا، پىچىلمىغان ئەركەك مۇزاي.

بۇقىسىراتماق

  • بۇقىسىراتماق[يەشمىسى:] «بۇقىسىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۇقىسىرىماق

  • بۇقىسىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىنەك كۈيلىمەك.

بۇلⅠ

  • بۇلⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۈگمەن ئوقىغا بېكىتىلگەن، چۆرىسىگە قانات قېقىلغان يۇمىلاق كۆتەك. [يەشمىسى:] ② ھارۋىنىڭ ئوقىنى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدىغان، ئىچىگە ياپىلاق تۆمۈر ئورنىتىلغان ئىچى كاۋاك يۇمىلاق كۆتەك. [يەشمىسى:] ③ چىغىرىقنىڭ ئايلىنىش پرىنسىپىغا ئاساسەن ياسالغان بىر خىل ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئۈسكۈنىسى. ئادەتتە قۇدۇقتىن سۇ تارتىش، كېمە، پاراخوتلاردا لەڭگەرنى تارتىش، مال بېسىش ۋە چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇلⅡ

  • بۇلⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزىگە ئۆتكەن نەمنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئىچىدىن بىخسىغان، ئېچىغان، ئەسلىي ھالىتى بۇزۇلغان:[مىسال:] بۇل بۇغداي. بۇل بولماق.

بۇلاپ-تالاپ

  • بۇلاپ-تالاپ[يەشمىسى:] بۇلاپ ھەم تالاپ، زورلۇق بىلەن ئېلىپ.

بۇلاپكا

  • بۇلاپكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېتالدىن ئىشلىنىپ ئالتۇن ياكى كۈمۈش رەڭگىدە ھەل بېرىلىدىغان، بەزىلىرىگە كۆز قويۇلىدىغان ۋە زىننەت ئۈچۈن مەيدىگە تاقىلىدىغان بۇيۇم.

بۇلاپكىلىق

  • بۇلاپكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇلاپكا ئاسقان ياكى تاقىغان، بۇلاپكىسى بار.

بۇلاتماقⅠ

  • بۇلاتماقⅠ[يەشمىسى:] «بۇلىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۇلاتماقⅡ

  • بۇلاتماقⅡ[يەشمىسى:] «بۇلىماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۇلاش-تالاش

  • بۇلاش-تالاش[يەشمىسى:] بۇلاش ھەم تالاش، زورلۇق بىلەن ئىگىلەش.

بۇلاشماقⅠ

  • بۇلاشماقⅠ[يەشمىسى:] «بۇلىماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بۇلاشماقⅡ

  • بۇلاشماقⅡ[يەشمىسى:] «بۇلىماقⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بۇلاق

  • بۇلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يەر ئاستىدىن چىققان سۇ مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ ئېغىزى:[مىسال:] سۇ ئانىسى — بۇلاق، سۆز ئانىسى — قۇلاق (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باي، پۈتمەس-تۈگىمەس مەنبە:[مىسال:] ئىجاد بۇلىقى. ئىلھام بۇلىقى. * كىتابنى سۆي، ئۇ ئىلىم بۇلىقى.

بۇلاقلىق

  • بۇلاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇلاق بار، بۇلاق جايلاشقان:[مىسال:] ئالدىڭىزغا ماڭسىڭىز بىر بۇلاقلىق جىلغىغا يېتىپ بارىسىز.

بۇلاڭⅠ

  • بۇلاڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زورلۇق بىلەن بۇلاپ ئېلىۋېلىش، تارتىۋېلىش، بۇلاش:[مىسال:] بۇلاڭ قىلماق. بۇلاڭغا قالماق.

بۇلاڭⅡ

  • بۇلاڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن يۈننەندە ياشايدۇ.

بۇلاڭ-تالاڭ

  • بۇلاڭ-تالاڭ[يەشمىسى:] زورلۇق كۈچ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى بۇلاپ ئېلىۋېلىش ھەرىكەتلىرى؛ تالان-تاراج، بۇلاڭچىلىق:[مىسال:] بۇلاڭ-تالاڭ قىلماق.

بۇلاڭچە

  • بۇلاڭچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇلاڭ مىللىتىنىڭ تىلى، ئەنئەنىسى، مەدەنىيەت ئادەتلىرىگە ئائىت، بۇلاڭ تىلى ياكى مەدەنىيىتى ئاساسىدىكى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇلاڭ تىلى.

بۇلاڭچى

  • بۇلاڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى.

بۇلاڭچىلىق

  • بۇلاڭچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش.

بۇلانماقⅠ

  • بۇلانماقⅠ[يەشمىسى:] «بۇلىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بۇلانماق

  • بۇلانماق[يەشمىسى:] ① Ⅱ«بۇلىماقⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار لاي-پاتقاققا بۇلىنىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② «بۇلىماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تالاغا چىقاي دەپ تۇرۇشۇمغا، ئىنىم توپىغا بۇلانغان بىر پارچە گۆشنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كىردى.

بۇلبۇل

  • بۇلبۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش، تېنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى قۇشقاچچىلىك كېلىدۇ، چىرايلىق سايرايدۇ:[مىسال:] بۇلبۇلغا باغ ياخشى، كەكلىككە تاغ (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئەر-ئاياللار ئىسمى.

بۇلبۇلەك

  • بۇلبۇلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خەرەك.

بۇلبۇلگويا

  • بۇلبۇلگويا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بۇلبۇل+گويا[[يەشمىسى:] خەلق چۆچەكلىرىدىكى ناھايىتى چىرايلىق بولغان، ئادەمدەك گەپ قىلىدىغان ۋە چىرايلىق سايرايدىغان بىر خىل قۇش.

بۇلتۇر

  • بۇلتۇر[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۆتكەن يىل، ئالدىنقى يىل.

بۇلتۇرقى

  • بۇلتۇرقى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆتكەن يىلدىكى، ئۆتكەن يىل بولغان، ئالدىنقى يىلدىكى:[مىسال:] بۇلتۇرقى پاقلان بۇ يىل ئىككى ياش قوي بولدى.

بۇلتۇلىماق

  • بۇلتۇلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] گوللىماق، بەزلىمەك، باھانە قىلماق.

بۇلجۇتماق

  • بۇلجۇتماق[يەشمىسى:] «بۇلجۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۇلجۇتماي

  • بۇلجۇتماي[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مىدىرلاتماي، قىمىرلاتماي؛ تۇتقان پېتى:[مىسال:] ئۇنىڭ قارچىغىسى ئالغان توشقاننى ئىگىسى يېتىپ كەلگۈچە بۇلجۇتماي تۇتۇپ تۇراتتى.

بۇلجۇشماق

  • بۇلجۇشماق[يەشمىسى:] «بۇلجۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بۇلجۇڭ

  • بۇلجۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «بۇلجۇڭ گۆش»كە قاراڭ.

بۇلجۇڭ گۆش

  • بۇلجۇڭ گۆش[يەشمىسى:] ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ پۇت-قوللىرىدىكى تۈرۈلۈپ، كۆپۈپ چىققان لوق گۆش.

بۇلجۇماق

  • بۇلجۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۇياق-بۇياققا تولغانماق، مىدىرلىماق، ھەرىكەت قىلماق.

بۇلدۇق

  • بۇلدۇق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] تۇرۇبا ياكى بۇلاق قاتارلىقلاردىن ئېتىلىپ چىققان، قازاندا قايناۋاتقان سۇنىڭ ئاۋازى.

بۇلدۇق-بۇلدۇق

  • بۇلدۇق-بۇلدۇق[يەشمىسى:] «بۇلدۇق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] بۇلاقتىن بۇلدۇق-بۇلدۇق قىلىپ سۇ چىقىپ تۇراتتى.

بۇلدۇقلاتماق

  • بۇلدۇقلاتماق[يەشمىسى:] «بۇلدۇقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئېلىيوف سۇنى ئورەككە بۇلدۇقلىتىپ قۇيدى.

بۇلدۇقلاشماق

  • بۇلدۇقلاشماق[يەشمىسى:] «بۇلدۇقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بۇلدۇقلىماق

  • بۇلدۇقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «بۇلدۇق-بۇلدۇق» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «بۇلدۇق-بۇلدۇق» قىلماق:[مىسال:] تۇرۇبىدىن ئېقىپ چىقىۋاتقان سۇنىڭ بۇلدۇقلىشى ئاڭلىناتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جۇش ئۇرماق، ئۇرغۇماق، دولقۇنلانماق:[مىسال:]

  • مەن كېلىمەن ساڭا بېقىپ تويماستىن،

  • كۈلۈپ تۇرغان بەختىم بىلەن تويلىشىپ،

  • ئىلھاملىرىم بۇلدۇقلايدۇ، قاينايدۇ،

  • باغرىڭدىكى دولقۇن بىلەن قوغلىشىپ.

بۇلغاتماق

  • بۇلغاتماق[يەشمىسى:] «بۇلغىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۇلغار

  • بۇلغار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار جەنۇبىي سلاۋىيانلارغا مەنسۇپ بولۇپ، بولغارىيە دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

بۇلغارچە

  • بۇلغارچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇلغارلارغا خاس، بۇلغارلارغا ئائىت:[مىسال:] بۇلغارچە كىيىنمەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇلغار تىلى:[مىسال:] بۇلغارچە ئۆگەنمەك.

بۇلغارى

  • بۇلغارى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماي تەركىبى بولغان بىر خىل يۇمشاق خۇرۇم:[مىسال:] بۇلغارى ئۆتۈك.

بۇلغاشماق

  • بۇلغاشماق[يەشمىسى:] «بۇلغىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇششاق بالىلار ئېرىققا ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەرنى تاشلاپ، سۈزۈك سۇنى بۇلغاشتى.

بۇلغانما

  • بۇلغانما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ بۇلغانغان قىسمى، بۇلغانغان تەركىبى:[مىسال:] بۇلغانما چىقىرىش كلاپانى.

بۇلغانماق

  • بۇلغانماق[يەشمىسى:] «بۇلغىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] باتۇر: ئەلۋەتتە سىزنىڭ يۈرىكىڭىز ئۇنىمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئېقىمدا بۇلغىنىپ بولدىڭىز، دېدى.

بۇلغۇچلىماق

  • بۇلغۇچلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سىلكىشلىمەك.

بۇلغۇن

  • بۇلغۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۆسەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تېرىسى بەك ئەتىۋار.

بۇلغىماق

  • بۇلغىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كىر، پاسكىنا قىلماق:[مىسال:] كىيىمىنى بۇلغىماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] داغ چۈشۈرمەك، قارا سۈركىمەك:[مىسال:] شەنىنى بۇلغىماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەركىبىگە پاسكىنا، ناپاك نەرسىنى ئارىلاشتۇرماق:[مىسال:] ھاۋانى بۇلغىماق. سۇنى بۇلغىماق.[يەشمىسى:] ④ باش ۋە قولىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئايلاندۇرۇپ بېشارەت بەرمەك؛ جاۋاب بەرمەك:[مىسال:] ياق، ياق، پروفېسسور قول بۇلغىدى.

بۇلماق

  • بۇلماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوۋاق بالىلار ئۈچۈن سۈت، قوي يېغى، ئۇن، شېكەر قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلايدىغان بىر خىل ئوزۇقلۇق.

بۇلۇت

  • بۇلۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] سۇ تامچىلرى ۋە مۇز كرىستاللىرىنىڭ توپلىنىشىدىن شەكىللەنگەن ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا لەيلەپ يۈرىدىغان بىر خىل جىسىم.

بۇلۇتسىز

  • بۇلۇتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇلۇت بىلەن قاپلانمىغان؛ ئوچۇق:[مىسال:] ئاسمان پۈتۈنلەي بۇلۇتسىز ئىدى.

بۇلۇتسىمان

  • بۇلۇتسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇلۇتقا ئوخشايدىغان، بۇلۇت سىياقىدىكى، بۇلۇت شەكىللىك.

بۇلۇتلانماق

  • بۇلۇتلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بۇلۇت بىلەن قاپلانماق.

بۇلۇتلۇق

  • بۇلۇتلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇلۇت بىلەن قاپلانغان، بۇلۇتلانماق:[مىسال:] بۇلۇتلۇق ئاسمان.

بۇلۇق

  • بۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئېتىلىپ چىققان سۇنىڭ ئاۋازى.

بۇلۇق-بۇلۇق

  • بۇلۇق-بۇلۇق[يەشمىسى:] «بۇلۇق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

بۇلۇقلاتماق

  • بۇلۇقلاتماق[يەشمىسى:] «بۇلۇقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۇلۇقلىماق

  • بۇلۇقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بۇلۇق-بۇلۇق ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] بالا شۇ يەرنى قېزىپتىكەن، دېگەندەك بۇلۇقلاپ سۇ چىقىپتۇ.

بۇلۇڭ

  • بۇلۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بىر نۇقتىدىن چىققان ئىككى نۇردىن ھاسىل بولغان شەكىل.

بۇلۇڭ-پۇچقاق

  • بۇلۇڭ-پۇچقاق[يەشمىسى:] ① بۇلۇڭ ۋە شۇ خىلدىكى جايلار:[مىسال:] ئانچە ئۆتمەي تام-تورۇسلاردا چاشقانلار چىرىلداپ، بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغا ئۆمۈچۈكلەر تور سېلىشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان، يىراق، چەت جاي، ئورۇن:[مىسال:] پاسكىنىچىلىق، قالايمىقانچىلىق، ناچار بولۇشتەك ھادىسىلەر بۇ جايدا تۈگىسە، يەنە باشقا بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.

بۇلۇڭچى

  • بۇلۇڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تامنىڭ بۇلۇڭ سۇۋاقلىرىنى تۈزلەيدىغان ئەسۋاپ.

بۇلۇڭسىمان

  • بۇلۇڭسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇلۇڭ شەكلىدىكى، شەكىل-ھالىتى بۇلۇڭغا ئوخشايدىغان.

بۇلۇڭلۇق

  • بۇلۇڭلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇلۇڭى بار، بۇلۇڭ چىقىرىلغان:[مىسال:] بۇلۇڭلۇق ئېتىز.

بۇلىماقⅠ

  • بۇلىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] زورلۇق كۈچ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋالماق، تالان-تاراج قىلماق:[مىسال:] «مامۇت چايان» خەلقتىن بۇلىۋالغان مال-چارۋىلارنى ئالدىغا سېلىپ ماڭار چېغىدا ئۇدۇل كەلگەن بىرقانچە ئۆيگە ئوت قويۇۋېتىپ، تاغ ئىچىگە قاراپ تىكىۋەتتى.

بۇلىماقⅡ

  • بۇلىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يۇقۇشىدىغان نەرسىگە پاتۇرماق، تۆگۈرمەك، مىلىمەك:[مىسال:] ئۇ قولىدىكى ناننى لازىغا بۇلاپ يەپ تۈگەتتى.

بۇمازې

  • بۇمازې[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بىر تەرىپى تىۋىتلىق رەخت.

بۇنچە

  • بۇنچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بۇ قەدەر:[مىسال:] بۇنچە ئالدىراپ نەگە باراتتىكىنە، دېدى ئايالى ئېرى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇنچىۋالا:[مىسال:] بۇنچە نەرسىنى كۆتۈرەلمەيسەن، ئەكە، بىرىنى مەن كۆتۈرۈۋالاي.

بۇنچىلا

  • بۇنچىلا[يەشمىسى:] «بۇنچە» سۆزىنىڭ كۈچەيتمە شەكلى:[مىسال:] يىغىنغا بۇنچىۋالا ئادەمنىڭ يىغىلىشى تەسەۋۋۇر قىلىنمىغانىدى.

بۇنچىلىك

  • بۇنچىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بۇ قەدەر، بۇ دەرىجىدە:[مىسال:] رۇستەم غوجىنىڭ غۇژغۇن مىجەزلىكىنى بىلەتتى، لېكىن بۇنچىلىك قوپاللىقىنى تېخى كۆرۈپ باقمىغانىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزى ئېنىقلاپ كەلگەن ئىسىم ئىپادىلىگەن شەيئىنى مىقدار، ھەجىم، دەرىجە، خۇسۇسىيەت ۋە ھالەت قاتارلىق جەھەتلەردىن تۆۋەنلىتىپ ئىپادىلەشتە قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] پوچتىكەش: كېرەك يوق، بۇنچىلىك يول دېگەن نېمىتى دېدى.

بۇنچىۋالا

  • بۇنچىۋالا[يەشمىسى:] «بۇنچە» سۆزىنىڭ كۈچەيتمە شەكلى:[مىسال:] مۇسىبەت كۈنى بۇنچىۋالا يىغلاپ كېتىش ياخشى ئەمەس.

بۇنداق

  • بۇنداق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] بۇ خىل، بۇنىڭغا ئوخشاش:[مىسال:] نەدە بۇنداق ئاسان ئىش بولسۇن[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بۇ تەرىقىدە، بۇنىڭدەك:[مىسال:] ئەخمەتنىڭ بۇنداق دېگىنى توغرا بولماپتۇ.

بۇنىڭلىق

  • بۇنىڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مۇشۇ تۈپەيلى، مۇشۇ سەۋەبتىن (كۆپىنچە ئاۋۋال كۆرسىتىلگەن سەۋەب ياكى نەرسىنىڭ ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ئىشارەتلەپ كېلىدۇ):[مىسال:] ئۇ كەپتۇمىش، كەلسە كەلسۇن، بۇنىڭلىق بىلەن بىزنىڭ ئىشىمىز توختاپ قالمايدۇ.

بۇنيات

  • بۇنيات[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] «قىلماق» پېئىلى بىلەن كېلىپ «پەيدا قىلماق، ۋۇجۇدقا چىقارماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:]

  • يەنە ھىجران، جۇدالىق داغى پەرياد،

  • پەلەك قىلدى يەنە زۇلمىنى بۇنيات.

بۇۋانە

  • بۇۋانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تىك؛ گۈلى چوڭ، سۆسۈن رەڭلىك؛ يىلتىزسىمان غولى قاغىنىڭ بېشىغا ئوخشاش كاللەك كېلىدۇ. ئۇ زەھەرلىك بولۇپ ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇي

  • بۇي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پۇراق، ھىد:[مىسال:] زېمىنغا تۆكۈلگەن ئېسىل ياپراقنىڭ قېتىدىن كېلىدۇ ئاجايىپ بىر بۇي.

بۇيا

  • بۇيا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. 30 − 80 سانتىمېتىر ئۆسىدۇ؛ پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىدە قىسقا ۋە يۇمشاق ئاق تۈكچىلىرى بولىدۇ؛ غولى شاخلىنىپ تىك ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى سوقىچاق كېلىدۇ؛ قاسىراقلىق مېۋىسى تەسۋىسىمان بولىدۇ؛ ئۇرۇقى سارغۇچ، تەمى ئىنتايىن قېرىق؛ يىلتىزى تىك ئۆسىدۇ؛ تېبابەتچىلىكتە پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى دورا قىلىنىدۇ؛ تەبىئىتى سوغۇق، زەھەرلىك بولۇپ ھۆل ئىسسىقنى تارقىتىدۇ، ئاغرىقنى باسىدۇ، ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرىدۇ.

بۇياق

  • بۇياق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بۇ+ياق[[يەشمىسى:] ① سۆزلىگۈچى ئىشارە قىلغان ياكى كۆرسەتكەن تەرەپ:[مىسال:] مەرەمنىسا: گۈلەمخان ئاچا، بۇياققا چىقسىلا، دەپ توۋلىدى.[يەشمىسى:] ② «بۇ كىشى، بۇ ئادەم» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] يولداش خەمىت، دېدى ئادىل بىللە كەلگەن ئادەمنى كۆرسىتىپ، بۇياق سىزنى ئىزدەپ كەپتۇ.[يەشمىسى:] ③ تەۋەلىكⅢشەخس قوشۇمچىسى بىلەن كېلىپ، «مابەينىدە، بۇ تەرىپىدە» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] ئۇلار ئىككى-ئۈچ كۈننىڭ بۇياقى سوقىدا يېتىپ، سوقىنىڭ قاتتىق-قۇرۇقلىرىغا خېلى كۆنۈپ قالغانىدى.

بۇيان

  • بۇيان[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[قۇرۇلمىسى:]]بۇ+يان[[يەشمىسى:] چىقىش كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن سۆزلەردىن كېيىن كېلىپ، «بېرى، باشلاپ، مابەينىدە» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئابلا شەھەرگە كەلگەن ئۈچ يىلدىن بۇيان «زەنجىر تاپان»، «كران» دېگەن لەقەملەر بىلەن ئاتىلىدىغان بولدى.

بۇيانقى

  • بۇيانقى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بېرىسىدىكى، مابەينىدىكى، بۇ تەرىپىدىكى:[مىسال:] نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئىشلارنى ئەسلەپ قالدىم.

بۇيرۇت

  • بۇيرۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قىرغىزلار.

بۇيرۇتما

  • بۇيرۇتما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسە ئىشلەپ بېرىش ياكى ياساپ بېرىش ھەققىدە بېرىلگەن تاپشۇرۇق، زاكاز:[مىسال:] كارخانىمىزدا ھۆددىگە ئېلىنغان بۇيرۇتمىلار، كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىۋاتىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياساش، ئىشلەپ بېرىش ئۈچۈن تاپشۇرۇلغان، زاكاز قىلىنغان:[مىسال:] بۇيرۇتما كىيىم. بۇيرۇتما ئىشكاپ.

بۇيرۇتماق

  • بۇيرۇتماق[يەشمىسى:] «بۇيرۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئاشخانىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپلا تۇخۇم، قارا بولكا، ھاراق بۇيرۇتتى.

بۇيرۇتمىچى

  • بۇيرۇتمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇيرۇتما قىلغان ياكى بۇيرۇتما بەرگەن كىشى.

بۇيرۇتۇلماق

  • بۇيرۇتۇلماق[يەشمىسى:] «بۇيرۇتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ۋەكىللەرنىڭ ھەپتىلىك تامىقى ئالدىن بۇيرۇتۇلدى.

بۇيرۇشماق

  • بۇيرۇشماق[يەشمىسى:] «بۇيرۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بىر-بىرىنى ئىشقا بۇيرۇشۇپ، قىلماقچى بولغان ئىشلارنى پىلاندا كۆرسىتىلگەن ۋاقىتتىن كېچىكتۈرۈپ قويدى.

بۇيرۇق

  • بۇيرۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز رەھبەرلىكى ئاستىدىكىلەرگە چۈشۈرگەن يازما ياكى ئاغزاكى پەرمان، ئەمر:[مىسال:] بۇيرۇق بەرمەك.

بۇيرۇق پېئىل

  • بۇيرۇق پېئىل[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] سۆزلىگۈچىنىڭ مەلۇم ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئورۇندىلىشى ياكى ئورۇندالماسلىقى ھەققىدىكى بۇيرۇقىنى، خاھىشىنى، تەلىپىنى، ئىلتىماسىنى ئىپادىلەيدىغان پېئىللار.

بۇيرۇقچى

  • بۇيرۇقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «بۇيرۇقۋاز»غا قاراڭ.

بۇيرۇقچىلىق

  • بۇيرۇقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «بۇيرۇقۋازلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] مەجبۇرىي بۇيرۇقچىلىق قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

بۇيرۇقۋاز

  • بۇيرۇقۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بولار-بولماس بۇيرۇق چۈشۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم.

بۇيرۇقۋازلىق

  • بۇيرۇقۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بولار-بولماس بۇيرۇق بېرىش، ھەممىلا ئىشنى پەقەت بۇيرۇق بېرىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىش ئادىتى.

بۇيرۇلماق

  • بۇيرۇلماق[يەشمىسى:] «بۇيرۇماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بۇيرۇماق

  • بۇيرۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشنى قىلىشقا، بېجىرىشكە بۇيرۇق بەرمەك؛ تاپشۇرماق؛ تاپىلىماق:[مىسال:] ئىت مۈشۈكنى بۇيرۇسا، مۈشۈك قۇيرۇقىنى بۇيرۇپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② ھۆكۈم قىلماق، ھۆكۈم چىقارماق:[مىسال:] خەلىپە ھارۇن رەشىد ئۇنى شۇ يەردە ئۆلۈمگە بۇيرۇپتۇ.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىشنى ئالدىن ھاۋالە قىلماق، زاكاز قىلماق، بۇيرۇتماق:[مىسال:] گۈلخېنىم شەرىخانغا بىر دوپپا بۇيرۇغانىدى.[يەشمىسى:] ④ قانۇنىي يول بىلەن ئىگىلىكىدە، تەۋەلىكىدە قىلىپ بەرمەك:[مىسال:] ئېگىچە-سىڭىللار:[مىسال:] بولمىسا، قازىغا بارىمىز، قازى قايسىبىرىمىزگە بۇيرۇپ بەرسە يىگىت شۇنىڭ بولىدۇ، دەپ دىۋىلەرنىڭ قازىسىغا بېرىپتۇ.[يەشمىسى:] ⑤ مەلۇم ئىشنى قىلىش ياكى مەلۇم بىرىنى قىلماسلىقنى ۋەسىيەت قىلماق، يېزىپ بەرمەك (دوختۇر، تېۋىپلارنىڭ كۆرسەتمىلىرى ھەققىدە):[مىسال:] دورا بۇيرۇماق.[يەشمىسى:] ⑥ بىرەر ئىش، تاپشۇرۇق بىلەن ئەۋەتمەك:[مىسال:] مۇزەپپەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بىزنى شۇ كۈنىلا تاغقا بۇيرۇدى.[يەشمىسى:] ⑦ نېسىپ بولماق، نېسىپ قىلماق:[مىسال:] يۈگۈرگەن قالار، بۇيرۇغان ئالار (ماقال). * بۇيرۇسا بالا، بۇيرۇمىسا بالا (ماقال).

بۇيلۇق

  • بۇيلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇيى، پۇرىقى، ھىدى بار، ھىدلىق:[مىسال:] يەتكۈز سابا يارىمغا، مېنىڭ نالە-زارىمنى. ئۆلمىسەم بىر كۆرەرمەن ئەتىر بۇيلۇق يارىمنى.

بۇيۇم

  • بۇيۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىرىكچىلىك ۋە ئائىلىگە كېرەك بولىدىغان ھەربىر نەرسە:[مىسال:] تۇرمۇش بۇيۇملىرى. ئىشلەپچىقىرىش بۇيۇملىرى.

بۇيۇملاشتۇرماق

  • بۇيۇملاشتۇرماق[يەشمىسى:] «بۇيۇملاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۇيۇملاشقان

  • بۇيۇملاشقان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] مەھسۇلاتقا مۇجەسسەملەنگەن ياكى مەھسۇلاتتا گەۋدىلەنگەن:[مىسال:] بۇيۇملاشقان ئەمگەك.

بۇيۇملاشماق

  • بۇيۇملاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] مەھسۇلاتقا، بۇيۇمغا ئايلانماق.

بۇيى

  • بۇيى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن گۈيجۇدا ياشايدۇ.

بۇيىلىق

  • بۇيىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بۇيىسى بار، بۇيا كۆپ ئۆسكەن جاي.[يەشمىسى:] ② تۇرپان شەھىرىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

بۆⅠ

  • بۆⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دۆ.

بۆⅡ

  • بۆⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] كالىنىڭ ئۈزۈپ-ئۈزۈپ مۆرىشىدىن چىقىدىغان ئاۋاز.

بۆجەتمەك

  • بۆجەتمەك[يەشمىسى:] «بۆجىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۆجەشمەك

  • بۆجەشمەك[يەشمىسى:] «بۆجىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بۆجەلمەك

  • بۆجەلمەك[يەشمىسى:] «بۆجىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بۆجەن

  • بۆجەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توشقاننىڭ بالىسى.

بۆجەنلىمەك

  • بۆجەنلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] توشقان تۇغماق.

بۆجەيگەك

  • بۆجەيگەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئالايغاق، ھومايغاق؛ ئالايغان، ھومايغان:[مىسال:] ئۇ خۇدۈكچان، بۆجەيگەك كۆزلىرى بىلەن يەر ئاستىدىن قاراپ قويۇپ، دۈمچىيىپ ئورنىدا تۇراتتى.

بۆجەيمەك

  • بۆجەيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆزىنى ئالايتىپ قارىماق، ھومىيىپ قارىماق:[مىسال:] بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا ياۋا ئاسلاندەك بۆجىيىپ قالىدىكەنمىز.

بۆجى

  • بۆجى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دۆ، ئۆمۈچۈك.

بۆجىمەك

  • بۆجىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەممە يېرىگە يېڭنە بىلەن گۈلگە ئوخشاش نەرسىلەرنى تىكمەك، بېزىمەك:[مىسال:]

  • گۈل بۆجىدىم يۈرەككە،

  • تىل تورغىيىم سۆزۈڭدىن.

  • ساڭا بەرگەن كۆڭلۈمنى،

  • كۆرگەنمىدىڭ كۆزۈمدىن.

بۆدۈنە

  • بۆدۈنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. بېشى كىچىك، قۇيرۇقى قىسقا، پەيلىرى بېغىر رەڭ كېلىدۇ. ئۇزۇنغا ئۇچالمايدۇ.

بۆدۈنىۋاز

  • بۆدۈنىۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۆدۈنەخۇمار، بۆدۈنىنى ياخشى كۆرىدىغان، سوقۇشتۇرىدىغان، بۆدۈنە باققۇچى كىشى.

بۆدۈنىۋازلىق

  • بۆدۈنىۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۆدۈنە بېقىش، سوقۇشتۇرۇش ئىشى:[مىسال:] بۆدۈنىۋازلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزمەك.

بۆرە

  • بۆرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. شەكلى ئىتقا ئوخشايدۇ، يۈزى ئۇزۇن، قۇلىقى تىك، تۈكلىرى سېرىق ياكى سۇس قوڭۇر رەڭدە؛ قۇيرۇقى پەسكە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ؛ ئاچ كۆز ھەم ۋەھشىي كېلىدۇ.

بۆرەك

  • بۆرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش ئەزاسى، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە بىردىن ئىككىسى بولىدۇ.

بۆرەكسىمان

  • بۆرەكسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۆرەك شەكىللىك، بۆرەككە ئوخشايدىغان.

بۆرتكۈزمەك

  • بۆرتكۈزمەك[يەشمىسى:] «بۆرتمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۆرتمە

  • بۆرتمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۆرتۈپ چىققان، قاپارتما چىقىرىپ ئىشلەنگەن:[مىسال:] بۆرتمە گۈللۈك ياغلىق. بۆرتمە نەقىش. بۆرتمە شال.

بۆرتمەك

  • بۆرتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۈرتۈپ چىقماق، كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ تۇرماق، بۆرتۈپ چىقماق:[مىسال:] ئۇستىخانلىرى بۆرتۈپ چىققان تۇرسۇن خالتىسىنى يەرگە قويۇپ، تۈرمە باشلىقىغا يېلىنىۋاتاتتى.

بۆرىسامسىقى

  • بۆرىسامسىقى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بۆرە+سامساق+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بىر خىل سېمىز ئەتلىك پارازىت ئوت.

بۆرىسويمىسى

  • بۆرىسويمىسى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بۆرە+سويما+سى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يەر بېغىرلاپ ئۆسىدىغان پېلەك غوللۇق بىر خىل ياۋا ئۆسۈملۈك. تۇخۇمدەك-تۇخۇمدەك مېۋىلەيدۇ، كۆپىنچە قۇرغاق تاغلاردا ئۆسىدۇ، ئادەتتە «بۆرىقوغۇنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

بۆرىقۇيرۇق

  • بۆرىقۇيرۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بۆرە+قۇيرۇق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىگە تەۋە كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى يىپسىمان، گۈلىنىڭ شەكلى بۆرە قۇيرۇقىغا ئوخشايدۇ. ئادەتتە تاغ باغرىدا ياكى يول بويىدا ئۆسىدۇ. يۇمشاق كۆتىكى (غولى) ئېسىل يەم-خەشەك ماتېرىيالى بولىدۇ، شاخ ۋە يوپۇرماقلىرى ئىزولياتسىلىيىگۈچى قەغەزنىڭ ياخشى ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.

بۆرىكۆز

  • بۆرىكۆز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بۆرە+كۆز[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مېۋىسىنى يېگىلى بولىدىغان، تىكەنلىك بىر خىل ئۆسۈملۈك.

بۆرىيېمەس

  • بۆرىيېمەس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بۆرە+يېمەس[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئاچچىق ئۈچەينىڭ ياغلىق ئۈچەي بىلەن تۇتاشقان جايىدىكى يوغان بوغماق قىسمى.

بۆز

  • بۆز[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] پاختىدىن ئىشلەنگەن:[مىسال:] بۆز يىپ. بۆز تاغار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] قول دۇكىنىدا پاختا يىپىدىن توقۇلغان رەخت، ماتا:[مىسال:] بۆزچى بۆز توقۇيدىغان موكىسىنى چاشقانغا بىر ئاتقانىكەن، چاشقان ئۆلۈپ قاپتۇ.

بۆزچى

  • بۆزچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۆز توقۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى، بۆز توقۇغۇچى كاسىپ:[مىسال:] بۆزچى ھالۋىچى بولسا، كۆزىنى چاپاق بېسىپتۇ (ماقال).

بۆزچىلىك

  • بۆزچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۆز توقۇش كەسپى.

بۆستۈرمەك

  • بۆستۈرمەك[يەشمىسى:] «بۆسمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۆسكەك

  • بۆسكەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قوپال، ئارقان ئۆزەر.

بۆسمە

  • بۆسمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۆسۈپ چىققان:[مىسال:] بۆسمە گەۋدە.

بۆسمەك

  • بۆسمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قورشاۋ، توسالغۇنى يېرىپ، ئۆتمەك:[مىسال:]

  • باشلىدى قالغان يىگىتنى ئېتىلىپ دۈشمەنگە قىز،

  • بۇيرۇدى قورشاۋنى بۆسمەكنى ئۇلارغا شۇنچە تېز.[يەشمىسى:] ② قول ياكى پىچاق قاتارلىقلار بىلەن يېرىپ پارچىلىماق:[مىسال:] قاسساپ كانارىغا پۈتۈن پېتى ئېسىقلىق تۇرغان قوينىڭ گۆشىدىن بىر ئارقا پۇتنى شارتتىدە بۆستى-دە، گىرغا سالدى.[يەشمىسى:] ③ يارماق، سۆكمەك:[مىسال:] تاغارنى تىكىشىدىن بۆسۈۋەت.

بۆسۈش

  • بۆسۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېرىپ ئۆتۈش، ئالغا ئىلگىرىلەش؛ نەتىجە يارىتىش:[مىسال:] بۆسۈش ئېغىزى.

بۆسۈشمەك

  • بۆسۈشمەك[يەشمىسى:] «بۆسمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بۆسۈلمەك

  • بۆسۈلمەك[يەشمىسى:] «بۆسمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تاغار ئوتتۇرىدىن بۆسۈلۈپ كەتتى.

بۆشۈك

  • بۆشۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بوۋاق بالىنى بۆلەپ بېقىش ئۈچۈن ياسالغان كارىۋات شەكىللىك جابدۇق:[مىسال:] بالىنى بۆشۈككە بۆلىمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ، ۋەقە-ھادىسىنىڭ تۇغۇلغان يېرى، ماكانى:[مىسال:] ئىنقىلاب بۆشۈكى-يەنئەن.

بۆك

  • بۆك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «دوپپا»غا قاراڭ:[مىسال:] بېشى بارنىڭ بۆكى بار (ماقال).

بۆكەنⅠ

  • بۆكەنⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ بىر تۈرى. تەن شەكلى ئۆچكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، ئادەتتە شىنجاڭدىكى قاڭشارلىق بۆكەن كۆزدە تۇتۇلىدۇ؛ يۈگۈرۈك ۋە ئۇسسۇزلۇققا چىداملىق؛ مۈڭگۈزلىرى ئاقۇچ ياكى سارغۇچ بولۇپ، سەل يايسىمان، ئاستى تەرىپى كاۋاك كېلىدۇ؛ مۈڭگۈزىنىڭ تېبابەتچىلىكتە قىزىتمىنى قايتۇرۇش، زەھەرسىزلەندۈرۈش، جىگەرنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئۇششاق ئاغرىقلارنى داۋالاشتا ئالاھىدە رولى بار.

بۆكەنⅡ

  • بۆكەنⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] لوككا.

بۆكتەر

  • بۆكتەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تاغنىڭ ئاستى ۋە يان تەرىپى ئويۇلۇپ، خۇددى پېشايۋانغا ئوخشاپ قالغان جاي:[مىسال:] تاغ بۆكتىرى.[يەشمىسى:] ② ئاتلىق سەپەرگە چىققاندا ئېگەرنىڭ كەينىگە تېڭىپ قويىدىغان نەرسە.

بۆكتەرگە

  • بۆكتەرگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غانجۇغا.

بۆكتەرلەتمەك

  • بۆكتەرلەتمەك[يەشمىسى:] «بۆكتەرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۆكتەرلەشمەك

  • بۆكتەرلەشمەك[يەشمىسى:] «بۆكتەرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بۆكتەرلەنمەك

  • بۆكتەرلەنمەك[يەشمىسى:] «بۆكتەرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بۆكتەرلىمەك

  • بۆكتەرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاتلىق سەپەرگە چىققاندا ئېگەرنىڭ كەينىگە خۇرجۇن-قاچا قاتارلىقلارنى غانجۇغىلاپ تاڭماق:[مىسال:] موللازەيدىن كالا تېرىسىنى بۆكتەرلەپ، پادىچى ۋە بوۋاي بىلەن خوشلىشىپ يۈرۈپ كەتتى.

بۆكتۈرگە

  • بۆكتۈرگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۆكتۈرمە، مۆكتۈرمە، پىستىرما.

بۆكتۈرمە

  • بۆكتۈرمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «مۆكتۈرمە»گە قاراڭ:[مىسال:] قوشۇننىڭ ئالدى بىزنىڭ ئاخىرقى بۆكتۈرمىمىزگە كەلگەندە بۇيرۇق بېرىلدى.

بۆكچان

  • بۆكچان[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بۆك كىيگەن ھالەتتە، بۆك كىيىپ.

بۆكسە

  • بۆكسە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پەس، تۆۋەن.

بۆكمەك

  • بۆكمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بوي ئەگمەك، بويسۇنماق؛ تەسلىم بولماق، ئەل بولماق.

بۆكۈل

  • بۆكۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ① توي-تۆكۈن ۋە نەزىر-چىراغلاردا تاماق تەقسىم قىلىدىغان كىشى. [يەشمىسى:] ② ۋاڭنىڭ ئالدىغا داستىخان سالىدىغان، تاماق تەييارلاپ ئېلىپ كېلىدىغان كىشى.

بۆگەن

  • بۆگەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە يېپىشىپ كاللەكلەشكەن، مونەكلەشكەن ماياق.

بۆگەنلىمەك

  • بۆگەنلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كاللەك-كاللەك ماياقلىماق:[مىسال:] قوي سەمرىشكە باشلىغاندا بۆگەنلەيدۇ.

بۆلە

  • بۆلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خامان تەپكەندە بۇغدىيى ئايرىلمىغان ساماننى سورۇش ئۈچۈن دۆۋىلەنگەن دۆۋە:[مىسال:] بۆلە قىلماق. بۆلە يارماق.

بۆلە يارماق

  • بۆلە يارماق[كەسىپ تۈرى:]>دېھقانچىلىق<[يەشمىسى:] بۇغداينى سورۇش ئۈچۈن يىغىپ، دۆۋىلەپ، بۆلە ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] قېنى يىگىتلەر بۆلە يېرىپ قويۇپ ئاندىن قايتايلى، دېدى توختى ئاكام.

بۆلەشمەك

  • بۆلەشمەك[يەشمىسى:] «بۆلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بۆلەك

  • بۆلەك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۆلۈنگەن نەرسىنىڭ بىر قىسمى؛ پارچىسى:[مىسال:] ناننىڭ بىر بۆلىكى. سوپۇننىڭ بىر بۆلىكى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەشكىل قىلغان ياكى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمى؛ تەركىبىي قىسمى:[مىسال:] جۈملە بۆلەكلىرى. ماقالىنىڭ بۆلىكى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] باشقا، ئۆزگە:[مىسال:] ئۇنىڭ قەلبىگە ھازىر يەنىلا زۇلالدىن بۆلەك ھېچكىم سىغمايتتى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلاردىن پەرق قىلىدىغان، ئالاھىدە، باشقىچە:[مىسال:] جايتېرەك، پەيزىڭ بۆلەك، ياشنار سېنى كۆرگەن يۈرەك.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزئالدىغا مۇستەقىل، ئالاھىدە، ئايرىم:[مىسال:] بۆلەك چىقارماق. ئۆيىنى بۆلەك قىلماق. * ئۇلارنىڭ روزىغارى بۆلەك.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] باشقىدىن، قايتىدىن:[مىسال:] − ھەرقانداق ئىش بىر نۆۋەتتىلا ئەپلىشىپ بېرىۋەرمەيدۇ. قايتا ياساپ، بۆلەك سىناپ كۆرمەيمىزمۇ؟ − دېدى ئادىل.

بۆلەك-بۆلەك

  • بۆلەك-بۆلەك[يەشمىسى:] پارچە-پارچە، ئايرىم-ئايرىم:[مىسال:] ئۇلار ئېتىزدىكى دۆۋىلەنگەن ياڭيۇنى ئۈچ خىلغا ئايرىپ، خىلى بويىچە بۆلەك-بۆلەك قىلىپ دۆۋىلەپ قويدى.

بۆلەكتىن

  • بۆلەكتىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] باشقىدىن، قايتىدىن، يېڭىۋاشتىن:[مىسال:] ئاشۇ كۈنلەر يالقۇنلۇق ھايات، چىقماس بىزنىڭ ئوتلۇق يۈرەكتىن، ئەسلىگەندە قەھرىمانلارنى، كۈچكە تولار يىللار بۆلەكتىن.

بۆلەكچە

  • بۆلەكچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىچە؛ غەيرىي:[مىسال:] بۆلەكچە ئادەم. بۆلەكچە مىجەز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئادەتتىن تاشقىرى، پەۋقۇلئاددە:[مىسال:] پېشايۋاننىڭ بارلىق ئۈسكۈنىلىرى پۈتۈنلەي چىنار ۋە ياڭاق ياغاچلىرىدىن ئىشلەنگەنلىكتىن بۆلەكچە كۆركەم، سىپتا ۋە ئالاھىدە بولۇپ كۆزگە چۈشەتتى.

بۆلەكلەتمەك

  • بۆلەكلەتمەك[يەشمىسى:] «بۆلەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بۆلەكلەش

  • بۆلەكلەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۆلەكلەرگە ئايرىش، بۆلەك-بۆلەك قىلىپ پارچىلاش:[مىسال:] بۆلەكلەش نەزەرىيىسى.

بۆلەكلەنمەك

  • بۆلەكلەنمەك[يەشمىسى:] ① «بۆلەكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② «بۆلەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بۆلەكلىك

  • بۆلەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۆلىكى بار، بۆلەكلەرگە بۆلۈنگەن:[مىسال:] ئەگەشمە بۆلەكلىك جۈملە.

بۆلەكلىمەك

  • بۆلەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بۆلەكلەرگە بۆلمەك، قىسىملارغا ئاجراتماق.

بۆلەنچۈك

  • بۆلەنچۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سەگۈنچۈك.

بۆلەنمەك

  • بۆلەنمەك[يەشمىسى:] «بۆلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بالىنىڭ يىغىسى بۆشۈككە بۆلەنگەندىن كېيىن توختىدى.

بۆلجۈرگەن

  • بۆلجۈرگەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ؛ مېۋىسى سۇلۇق ۋە تاتلىق، يېگىلى بولىدۇ.

بۆلجۈرگەنلىك

  • بۆلجۈرگەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۆلجۈرگەن كۆپ ئۆسىدىغان يەر.

بۆلدۈرمەك

  • بۆلدۈرمەك[يەشمىسى:] «بۆلمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەھەت: ئۇكام، مەن ئالتۇننى بازارغا ئاپىرىپ تەڭمۇتەڭ ئىككىگە بۆلدۈرۈپ كېلەي، دەپتۇ.

بۆلگە

  • بۆلگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سوۋغا، سوۋغا-سالام، خالتا.

بۆلگۈچ

  • بۆلگۈچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر-بىرىدىن ئايرىيدىغان، بۆلىدىغان، پارچىلايدىغان:[مىسال:] دەۋر بۆلگۈچ غەلىبە.

بۆلگۈچى

  • بۆلگۈچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۆلىدىغان، پارچىلايدىغان. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بۆلۈنگۈچى بۆلۈنىدىغان سان:[مىسال:] بۆلۈنگۈچى ئون، بۆلۈنمە ئىككى بولسا، بۆلگۈچى بەش بولىدۇ.

بۆلگۈنچى

  • بۆلگۈنچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرلىكنى پارچىلايدىغان، ئارىغا سوغۇقچىلىق سالىدىغان، ئارىنى بۇزىدىغان. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شۇ خىل قىلمىشلار بىلەن شوغۇللانغۇچى كىشى.

بۆلگۈنچىلىك

  • بۆلگۈنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرلىكنى پارچىلايدىغان، ئارىغا سوغۇقچىلىق سالىدىغان، ئارىنى بۇزىدىغان قىلمىش:[مىسال:] بۆلگۈنچىلىك قىلماق.

بۆلمە

  • بۆلمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خانا، ئۆي:[مىسال:] شەھەردە بىر كۆك راۋاق بار؛ بۇ راۋاقنىڭ ئاستى-ئۈستىدە چوڭ-كىچىك بىرەر يۈزچە بۆلمە بار.

بۆلمەك

  • بۆلمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بۆلەكلەرگە ئاجراتماق، پارچىلىماق، بۆلەك-بۆلەك قىلماق:[مىسال:] ناننى ئىككىگە بۆلمەك. قەغەزنى بۆلمەك. ئەسەرنى بابلارغا بۆلمەك.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بۆلۈش ئەمىلىنى بېجىرمەك:[مىسال:] چوڭ ساننى كىچىك سانغا بۆلمەك.[يەشمىسى:] ③ تەقسىم قىلماق، ئۆلەشمەك:[مىسال:] مىراسنى بۆلمەك. پايدىنى بۆلمەك.[يەشمىسى:] ④ گەپ-سۆز، سۆھبەت، خىيال، ئوي-پىكىر قاتارلىقلارنى ئۈزمەك، توختىتىپ قويماق ياكى ئۇنىڭغا تەسىر يەتكۈزمەك:[مىسال:] ئەكبەر تەرىنى تۈرۈپ، دوستىنىڭ سۆزىنى كەسكىن بولدى.

بۆلۈش

  • بۆلۈش [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بۆلۈش ئەمىلى ۋە ئۇنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە (÷). بەزىدە ئۇنىڭ ئورنىغا توغرا سىزىق، يانتۇ سىزىق ياكى قوش چېكىت (:) ئىشلىتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>لوگىكا<[يەشمىسى:] تەپەككۇردە ئەينى بىر جىنس ئۇقۇمنى شۇ جىنس ئۇقۇم تەركىبىدىكى بىرقانچە تۈر ئۇقۇمغا ئايرىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

بۆلۈشمەك

  • بۆلۈشمەك[يەشمىسى:] «بۆلمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مىراس بۆلۈشمەك.

بۆلۈم

  • بۆلۈم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قىسىم، خانا ۋە شۇ قاتارلىق ئاجرىتىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەربىر قىسمى؛ ئىشخانا:[مىسال:] بىنانىڭ بۆلۈملىرى. كېمىنىڭ بۆلۈمى.[يەشمىسى:] ② ئىدارە، مۇئەسسەسە، كارخانا، ماگىزىن، مۇزېي قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، بىر تۈردىكى نەرسىلەر توپلانغان ھەربىر قىسمى؛ شۆبە:[مىسال:] مالىيە بۆلۈمى. كادىرلار بۆلۈمى.[يەشمىسى:] ③ ئىلمىي ياكى بەدىئىي ئەسەرلەرنىڭ مەلۇم مەسىلىگە بېغىشلانغان ھەربىر مۇستەقىل قىسمى:[مىسال:] بۇ كىتابچىدا «ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ شەكلى ۋە قورالى» مەسىلىسى مەخسۇس سۆزلەنگەن بىر بۆلۈم بار.[يەشمىسى:] ④ بۆلەك، قىسىم:[مىسال:] ئورمىنى بۆلۈم تۈگىتەر، ئادەمنى ئۆلۈم (ماقال).

بۆلۈمچە

  • بۆلۈمچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۆلۈم ياكى باشقارما تەركىبىدىكى شۆبە خىزمەت تارمىقى، كىچىك بۆلۈم:[مىسال:] ئۇ لاۋازىمەتچىلىك ئىدارىسىدە تۆتىنچى بۆلۈمچىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئوتتۇز يىل ئىشلىدى.

بۆلۈنگۈچى

  • بۆلۈنگۈچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۆلۈنىدىغان، پارچىلىنىدىغان:[مىسال:] بۆلۈنگۈچى شەيئى. بۆلۈنگۈچى ماددا. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بۆلمەكچى بولغان سان:[مىسال:] بۆلگۈچى ئىككى، بۆلۈنمە تۆت بولسا، بۆلۈنگۈچى سەككىز بولىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>لوگىكا<[يەشمىسى:] بۆلۈنمەكچى بولغان جىنس ئۇقۇم.

بۆلۈنمە

  • بۆلۈنمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پارچىلانغان، ئايرىلغان؛ پارچە، ئايرىم:[مىسال:] بۇ ئىككى مىللەت شۇ ۋاقىتقىچە بۆلۈنمە ھالەتتە تۇرغانىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بۆلۈشتىن كېلىپ چىققان نەتىجە:[مىسال:] سەككىزنى تۆتكە بۆلسەك بۆلۈنمە ئىككى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>لوگىكا<[يەشمىسى:] بۆلۈنگۈچى جىنس ئۇقۇم بۆلۈنگەندىن كېيىن كېلىپ چىققان بىرقانچە تۈر ئۇقۇم.

بۆلۈنمەك

  • بۆلۈنمەك[يەشمىسى:] ① «بۆلمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۆلۈنگەننى بۆرە يەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② «بۆلمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەمەتكە ئۆتكەن يىلى ئون بەش مو يەر بۆلۈنگەنىدى. * قىزلارنى كۆرۈپ ياشلارنىڭ سۆھبىتى بۆلۈندى.

بۆلىمەك

  • بۆلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بوۋاق بالىنى بۆشۈككە سېلىپ تاڭماق:[مىسال:] ئايشەم بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلىدى.

بۈجۈ

  • بۈجۈ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بالىلارنى قورقۇتۇش ياكى ئالداش ئۈچۈن، «جىن» دېگەن مەنىدە قوللىنىلىدىغان سۆز.

بۈدۈر

  • بۈدۈر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چاچ، موي ۋە يۇڭلارنىڭ تۈرۈلگەن، ھەر تەرەپكە ياتقان ھالدا كىرىشىپ يۆگىلىپ ئۆسكەن ھالىتى؛ بۇجۇغۇر:[مىسال:] بۈدۈر چاچ.

بۈدۈر-بۈدۈر

  • بۈدۈر-بۈدۈر[يەشمىسى:] بىرەر نەرسە يۈزىنىڭ كۆرۈنۈشىدىكى تەكشى بولمىغان ھالىتى:[مىسال:] بۇ چىتقا بۈدۈر-بۈدۈر قىلىپ گۈل بېسىلىپتۇ.

بۈدۈر-چوقۇر

  • بۈدۈر-چوقۇر[يەشمىسى:] بۈدۈر ھەم چوقۇر:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈزىگە بىرنەرسە ئۆرلەپ بۈدۈر-چوقۇر بولۇپ كېتىپتۇ.

بۈدۈرلەتمەك

  • بۈدۈرلەتمەك[يەشمىسى:] «بۈدۈرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دولقۇن چېچىنى بۈدۈرلەتتى.

بۈدۈرلەشمەك

  • بۈدۈرلەشمەك[يەشمىسى:] «بۈدۈرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بۈدۈرلەنمەك

  • بۈدۈرلەنمەك[يەشمىسى:] «بۈدۈرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بۈدۈرلۈك

  • بۈدۈرلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۈدۈرى بار، بۈدۈرلەشكەن:[مىسال:] بۈدۈرلۈك چاچ.

بۇدۈرلىمەك

  • بۇدۈرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بۈدۈر ھالەتكە كەلتۈرمەك، بۈدۈر قىلماق:[مىسال:] جۇۋىچى بۇ تېرىنى ياقىلىق قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە بۈدۈرلەپ ياسىدى.

بۈرەندە

  • بۈرەندە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] موزدۇزلارنىڭ كۆن، خۇرۇم قاتارلىقلارنى كېسىدىغان، تىغى ئاي شەكىللىك، ئەگرى ساپاقلىق ئەسۋابى.

بۈركۈت

  • بۈركۈت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قارچىغىسىمانلار ئائىلىسىدىكى چوڭ يىرتقۇچ ئوۋ قۇشى. ئۇنىڭ تۇمشۇقى ئىلمەك، بارماق تىرناقلىرى ئۇچلۇق، قانات پەيلىرى چوڭ، كۆزى ئىنتايىن ئۆتكۈر. كىشىلەر ئۇنى قولدا بېقىپ، جەرەن، كېيىك، تۈلكە قاتارلىق ھايۋانلارنى ئوۋلايدۇ.

بۈركۈتسىمان

  • بۈركۈتسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۈركۈتكە ئوخشايدىغان، بۈركۈت شەكلىدىكى:[مىسال:] بۈركۈتسىمان ھۇۋقۇش.

بۈرگە

  • بۈرگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھاشارات، قېنىق بېغىر رەڭ ياكى سېرىق قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ؛ تېنى كىچىك، پۇتلىرى ئۇزۇن، سەكرەشكە ماھىر كېلىدۇ؛ شوراش ئەزاسى بار، ئادەم ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تېنىدە قان شوراپ پارازىت ياشايدۇ؛ چاشقان يارىسى ۋە قارا كېزىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرىدۇ.

بۈرگۈن

  • بۈرگۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە بىر يىللىق، ئۆسۈملۈك. ئادەتتە 60 سانتىمېتىردىن بىر مېتىرغىچە ئۆسىدۇ، ئېگىزلىرى 2-5.2 مېتىر كېلىدۇ. گۈلى سېرىق بولىدۇ. ئۇرۇقى ئۆكتەبىردە پىشىدۇ. دورا ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئىشتىھانى ئېچىش، كېسەللىك باكتېرىيىسىنى ئۆلتۈرۈش، يېغىر قاتارلىق تېرە كېسەللىرىنى داۋالاش رولى بار.

بۈزرۈك

  • بۈزرۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] كاتتا، چوڭ، ئۇلۇغ:[مىسال:] بۈزرۈك ئانا.

بۈزرۈكگاھ

  • بۈزرۈكگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئۇلۇغلار، ئەۋلىيالار تۇرىدىغان ياكى تۇرغان جاي؛ مۇقەددەس ئورۇن.

بۈزرۈكۋار

  • بۈزرۈكۋار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئۇلۇغ، ئۇلۇغۋار؛ ھۆرمەتكە لايىق؛ مەرتىۋىلىك:[مىسال:] ئەي بۈزرۈكۋار ئاتا، ئەي مېھرىبان ئانا، ماڭا رۇخسەت بېرىڭلار دەپ بالا ئاتا-ئانىسىغا يالۋۇرۇپتۇ.

بۈك

  • بۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قويۇق ھەم زىچ ئۆسكەن، باراقسان، باغجانلاشقان:[مىسال:] مەن ئۆزۈمنى ئۈچ دەرۋازىنىڭ بۈك تېرەكلىك كوچىسىدا كېتىپ بارغاندەك ھېس قىلماقتىمەن.

بۈك-باراقسان

  • بۈك-باراقسان[يەشمىسى:] بۈك ۋە باراقسان؛ قويۇق ئۆسكەن ۋە باغجانلاشقان:[مىسال:] بۈك-باراقسان باغ.

بۈك-باراقسانلىق

  • بۈك-باراقسانلىق[يەشمىسى:] بۈك-باراقسان ھالەت.

بۈككىدە

  • بۈككىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بۈك-باراقسان ھالەتكە كەلگەن ھالدا:[مىسال:] بىردىنلا بۈككىدە ئۆسكەن دەرەخلىك ھويلىدىن ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى.

بۈكلۈك

  • بۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زىچ ئۆسكەن دەرەخلىك جاي، قويۇق ئورمان بار جاي:[مىسال:] بىز ئۇنىڭ ھويلىسىدىكى بۈكلۈكتە يانپاشلاپ يېتىپ تاكى يېرىم كېچىگىچە مۇڭداشتۇق.

بۈگلۈك

  • بۈگلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇپا ئورنىدا يۆتكەپ ئىشلىتىلىدىغان ياغاچ كارىۋات.

بۈگۈن

  • بۈگۈن[قۇرۇلمىسى:]]بۇ+كۈن[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] سۆزلەۋاتقان پەيتتە ئۆتۈۋاتقان كۈن، شۇ بىر كېچە-كۈندۈز:[مىسال:] مېنىڭچە دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك نەرسە «بۈگۈن»، ئەڭ ئاسان قولدىن كېتىدىغىنىمۇ «بۈگۈن»، شۇڭا ئۇ ئەڭ قىممەتلىك بىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پەيت، بېجىرىۋاتقان ئىش ئۈستىدىكى ۋاقىت؛ ھازىر، ئەمدى:[مىسال:] بۈگۈننى ئويلىماي، ئەتىنى ئويلا.

بۈگۈن-ئەتە

  • بۈگۈن-ئەتە[يەشمىسى:] پات-پۇرسەتتە، يېقىن-ئارىدا، يېقىندا:[مىسال:] چارەكلىك ئىمتىھان بۈگۈن-ئەتە باشلىنىدۇ.

بۈگۈن-ئەتىلىك

  • بۈگۈن-ئەتىلىك[يەشمىسى:] ئاز كۈنلۈك، ئاز ۋاقىتلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ كېسىلى خېلى ئېغىر، بۈگۈن-ئەتىلىك ئۆمرى قالدى.

بۈگۈنچە

  • بۈگۈنچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] شۇ بىر كۈنگە:[مىسال:] سادىق ئاغرىق ئىكەن، بۈگۈنچە ئۇنىڭ ئورنىغا ھاۋاخان ئىشلىسۇن.

بۈگۈنكى

  • بۈگۈنكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① سۆز بولۇۋاتقان كۈنى سادىر بولغان، يۈز بەرگەن ياكى شۇ بىر كۈندىكى:[مىسال:] بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما (ماقال).[يەشمىسى:] ② كۆز ئالدىدىكى، ھازىرقى پەيتتىكى، ھازىرقى:[مىسال:] ئۇيغۇر خەلق كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ بۈگۈنكى ھالەتكە كەلگەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىمىز.

بۈگۈنلۈك

  • بۈگۈنلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بۈگۈنگە خاس، بۈگۈن بولىدىغان، بۈگۈنگە تەئەللۇق:[مىسال:] غالىب بۈگۈنلۈك تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلىدى.[يەشمىسى:] ② مۇشۇ بىر كۈنگە مۆلچەرلەنگەن:[مىسال:] بۇ مېنىڭ بۈگۈنلۈك ئوزۇقۇم.

بۈلدۈرگە

  • بۈلدۈرگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قامچىنى قول بېغىشىغا سېپىۋېلىش ئۈچۈن ساپ ئۇچىغا بېكىتىلگەن بوغقۇچ، قامچا بېغى.

بۈۋى

  • بۈۋى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىشانلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئايال، سوپى ئايال. [يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمىغا قوشۇلۇپ كېلىپ ھۆرمەتلەش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

بۈۋىقاپاق

  • بۈۋىقاپاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بۈۋى+قاپاق[[يەشمىسى:] «بوزقىيا»غا قاراڭ.

بۈيۈك

  • بۈيۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۇلۇغ، زور، كاتتا:[مىسال:] بۈيۈك ئىتتىپاقلىق. بۈيۈك ئادەم.[يەشمىسى:] ② يۈكسەك؛ يۇقىرى، ئېگىز:[مىسال:] ئەقىدە بۈيۈكتۇر، رەھمىتىڭ كەڭدۇر، تەبەسسۇم ئەيلىشىڭ قۇياشقا تەڭدۇر.

بۈيۈكلەشمەك

  • بۈيۈكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بۈيۈك ھالەتكە كەلمەك، بۈيۈك بولماق، ئۇلۇغلاشماق، كاتتىلاشماق؛ يۈكسەكلەشمەك:[مىسال:] ئۇ ئويلىغانسېرى مۇزەپپەر كۆز ئالدىدا تېخىمۇ بۈيۈكلىشىپ باراتتى.

بۈيۈكلۈك

  • بۈيۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇلۇغلۇق، كاتتىلىق.

بې

  • بې[يەشمىسى:] «ب» ھەرپىنىڭ نامى.

بېتالدى

  • بېتالدى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۆز ئالدىغا، ئۆز مەيلىچە؛ بىكارغا، بوشقا.

بېتەمتىرا

  • بېتەمتىرا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئالدىراڭغۇ.

بېتون

  • بېتون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] سېمونت، قۇم، سۇ ۋە شېغىل قاتارلىقلار مەلۇم نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەييارلانغان قۇرۇلۇش ماتېرىيالى.

بېتونچى

  • بېتونچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېتون قۇيغۇچى، بېتون قۇيۇش تېخنىكى.

بېتونلاتماق

  • بېتونلاتماق[يەشمىسى:] «بېتونلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بېتونلاشماق

  • بېتونلاشماق[يەشمىسى:] «بېتونلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بېتونلىماق

  • بېتونلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بېتون بىلەن قاتۇرماق؛ بېتون ھالىتىگە كەلتۈرمەك.

بېجىرتمەك

  • بېجىرتمەك[يەشمىسى:] «بېجىرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بېجىرمەك

  • بېجىرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى ئىشلىمەك، ۋەزىپىنى بەجا كەلتۈرمەك، ئورۇندىماق:[مىسال:] ئاسىم تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى تولۇق ھەتتا ئاشۇرۇپ بېجىردى.

بېجىرىشمەك

  • بېجىرىشمەك[يەشمىسى:] «بېجىرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بېجىرىلمەك

  • بېجىرىلمەك[يەشمىسى:] «بېجىرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بېجىرىم

  • بېجىرىم[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇزۇلمىغان، تازا، ساق:[مىسال:] بېجىرىم قوغۇن. بېجىرىم چىنە. بېجىرىم ئەينەك.[يەشمىسى:] ② سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقا نەرسە ئارىلاشمىغان؛ ئەينى، تەبىئىي، ساپ:[مىسال:] بېجىرىم ئالتۇن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نۇقسانسىز، ساغلام، پاك:[مىسال:] بېجىرىم ئادەم. بېجىرىم يىگىت.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] راۋۇرۇس، مەزمۇت:[مىسال:] بوۋاي، ھاكىمنىڭ گېپىنىمۇ كۈتمەستىن، ياش يىگىتلەردەك يەرنى بېجىرىم دەسسەپ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى.

بېجىرىملىك

  • بېجىرىملىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەقىللىق؛ ساقلىق؛ ھوشيارلىق، زېھنى ئۆتكۈرلۈك، چېچەنلىك.

بېخى

  • بېخى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئاياغ كىيىملەردىكى چاكنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىكىلگەن ئىنچىكە تىكىش:[مىسال:] بېخى سالماق.

بېخىچىلىق

  • بېخىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېخى سېلىش ئىشى، بېخى سېلىش بىلەن شۇغۇللىنىش.

بېخىل

  • بېخىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] باشقىلارغا بىرەر نەرسە بېرىشنى خالىمايدىغان؛ پىخسىق:[مىسال:] بېخىل ئادەم. * پېخىل بايدىن سېخى گاداي ياخشى (ماقال).

بېخىللاشتۇرماق

  • بېخىللاشتۇرماق[يەشمىسى:] «بېخىللاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بېخىللاشماق

  • بېخىللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بېخىل ھالەتكە كەلمەك؛ پىخسىقلاشماق:[مىسال:] بەزى ئادەملەر بېيىغانسېرى بېخىللىشىپ كېتىدىكەن.

بېخىللىق

  • بېخىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېخىل ھالەت، پىخسىقلىق:[مىسال:] بېخىللىق قىلماق.

بېدە

  • بېدە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. بۇ ئاساسەن چارۋا ماللار ئۈچۈن ئوت-چۆپ قىلىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا يېشىل ئوغۇت ئۆسۈملۈكى ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. يېڭى چىققاندا ئۇنىڭدىن چۆچۈرە، جۇۋاۋا قاتارلىق تاماقلارمۇ ئېتىپ يېيىلىدۇ.

بېدىچى

  • بېدىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېدە تېرىپ ئۆستۈرىدىغان ھەم ئۇنى بازاردا ساتىدىغان كىشى.

بېدىچىلىك

  • بېدىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېزا ئىگىلىكىدە بېدە تېرىش ۋە ئۇنى يېتىشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسىپ.

بېدىش

  • بېدىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تەك شۇڭلىرىنى ئارتىش ئۈچۈن ياغاچتىن تەييارلانغان جاھازا، چەللە. [يەشمىسى:] ② مۇشۇنداق تەييارلانغان ئۈزۈم بارىڭى:[مىسال:] تۈلكە ئۈزۈملۈك باغدا بېدىش ئاستىدا تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشاشقا باشلاپتۇ.

بېدىشلىك

  • بېدىشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېدىش ئورنىتىلغان، بېدىش بار يەر:[مىسال:] پەيزۇللا بېدىشلىكنىڭ يېنىدىكى سېمونت سۇپىغا سەكرەپ چىقىپ ۋارقىرىدى.

بېدىك

  • بېدىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① چارۋا ماللارنى ئېلىپ-ساتقۇچى ياكى ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى. [يەشمىسى:] ② چارۋا مال سودىسىنى كېلىشتۈرۈپ قويغۇچى.

بېدىكلىك

  • بېدىكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چارۋا ماللارنى ئېلىپ سېتىش ياكى ئۇنىڭ سودىسىنى كېلىشتۈرۈپ قويۇش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى، كەسپى.

بېدىلىك

  • بېدىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بېدە بار، بېدە تېرىلغان:[مىسال:] بېدىلىك ئېتىز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىدە تېرىلىدىغان يەر:[مىسال:] زۇمرەت ئاللىقاچان بېدىلىككە كەتكەنىدى.

بېرەرمەن

  • بېرەرمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېرىدىغان كىشى:[مىسال:] بېرەرمەننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس (ماقال).

بېركېلىي

  • بېركېلىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] رادىئوئاكتىپلىق مېتال ئېلىمىنت. بەلگىسى (Berkelium)BK زەررىسى بىلەن سامارىينى بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ. ماسسا سانى 249، ئىزوتوپىنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى 314 كۈن بولىدۇ.

بېرى

  • بېرى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] سۆزلەۋاتقان كىشى، سۆز بولۇۋاتقان ۋاقىت ياكى ئورۇنغا يېقىن:[مىسال:] بېرى كەلگىن بېرى ئولتۇرۇڭ[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] (چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى «-دىن، -تىن» بىلەن كەلگەندە) بەلگىلىك پەيت، «-دىن باشلاپ، داۋامىدا، مابەينىدە، بۇيان، تارتىپ، ئېتىبارەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇزۇندىن بېرى.

بېرىپ

  • بېرىپ[يەشمىسى:] ① «بارماق» پېئىلىنىڭ رەۋىشدىشى:[مىسال:] ئايىمخان ئۆتكەن ئايدا ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئوغلىنى كۆرۈپ كەلدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] «شۇنداق قىلىپ، نەتىجىدە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بۇ ئىش ئاخىرى بېرىپ سۇغا چىلاشتى.

بېرىپ-بېرىپ

  • بېرىپ-بېرىپ[يەشمىسى:] بارا-بارا؛ ئاخىرقى ھېسابتا؛ كېيىنچە:[مىسال:] بېرىپ-بېرىپ ئۇلار قولۇڭدىكى بىر پارچە ناندىنمۇ قۇرۇق قويىدۇ دېدى مەنسۇر ئەكبەرگە كەسكىن قىلىپ.

بېرىش-كېلىش

  • بېرىش-كېلىش[يەشمىسى:] بىر-بىرىنىڭكىگە بېرىپ-كېلىپ تۇرۇش، ئۆزئارا باردى-كەلدى مۇناسىۋەت، ئالاقە:[مىسال:] بېرىش-كېلىش قىلماق.

بېرىشلىق

  • بېرىشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېرىش، يوقلاش؛ بېرىش زۆرۈر بولغان ھالەت، ئەھۋال:[مىسال:] -ئەلۋەتتە، ئەلۋەتتە، -دېدى ئۇ كىشى، -ئۇ تەرەپلەرگىمۇ بېرىشلىق بولۇپ قالار.

بېرىشماق

  • بېرىشماق[يەشمىسى:] «بارماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بېشىغا ئاق سەللە ئورىۋالغان قېرى-ياش ئادەملەر بىرلەپ-ئىككىلەپ مەسچىت تەرەپكە كېتىپ بېرىشاتتى.

بېرىشمەك

  • بېرىشمەك[يەشمىسى:] «بەرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كۆپچىلىك ئۇسسۇل ئوينىغۇچىلارغا قىزغىن مەدەت بېرىشەتتى.

بېرىقى

  • بېرىقى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۆزلىگۈچىگە ياكى سۆز بولۇۋاتقان يەرگە يېقىنراق بولغان؛ بۇ ياقتىكى، بۇ تەرەپتىكى:[مىسال:] بېرىقى ئىشىك. بېرىقى بىنا.

بېرىللىي

  • بېرىللىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى (Beryllium) Be. رەڭگى سۇس كۈل رەڭ كېلىدۇ، ئەڭ يېنىك مېتاللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن x تۇرۇپكىسىنى ياسىغىلى بولىدۇ. بېرىللىي بىلەن ئاليۇمىننىڭ قېتىشمىسى ئىنتايىن قاتتىق ھەم يېنىك بولغاچقا ئايروپىلان، راكېتا ياساشتا ئىنتايىن كەڭ قوللىنىلىدۇ. بېرىللىي ئاتوم ئېنېرگىيىسى سانائىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

بېرىلمەك

  • بېرىلمەك[يەشمىسى:] ① «بەرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ئامانەت ئىگىسىنىڭ ئۆز قولىغا بېرىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىش، نەرسە ياكى كەسىپكە قىزىقىپ قالماق، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا كىرىشمەك:[مىسال:] ئىلىمگە بېرىلمەك. تەتقىقاتقا بېرىلمەك.

بېزەپ

  • بېزەپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىسراپ، زايە:[مىسال:] توخۇلار قوناقنى بېزەپ قىلىۋەتتى.[يەشمىسى:] ② پاسكىنا، كىر:[مىسال:] بۇ قورۇنىڭ ئىچى بەك بېزەپ ئىكەن.

بېزەپچىلىك

  • بېزەپچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بېزەپ بولۇپ كەتكەن ھالەت، ئىسراپچىلىق:[مىسال:] يېمەك-ئىچمەك بېزەپچىلىكى.[يەشمىسى:] ② پاسكىنىچىلىق:[مىسال:] ئەتىيازدا قار ئېرىگەندە بولىدىغان ئارقا كوچىلاردىكى بېزەپچىلىك ھازىر تۈگىدى.

بېزەپلىك

  • بېزەپلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قالايمىقان، پاسكىنا ھالەت؛ پاسكىنىچىلىق.

بېزەتمەك

  • بېزەتمەك[يەشمىسى:] «بېزىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بېزەرتمەك

  • بېزەرتمەك[يەشمىسى:] «بېزەرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بېزەرمەك

  • بېزەرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يۈزىنى قېلىن قىلىۋالماق، گەپ تەسىر قىلمايدىغان بولۇۋالماق، گۆشەيمەك، بېزەڭلەشمەك:[مىسال:] داداڭ ئىشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن ماڭمامسەن بېزىرىپ تۇرماي، دېدى نىيازنى سەل ئىتتىرىپ ھېلىقى چار ساقال كىشى.

بېزەشتۈرۈلمەك

  • بېزەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «بېزەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بېزەشمەك

  • بېزەشمەك[يەشمىسى:] «بېزىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ كۇلۇبىنى قولمۇقول بېزەشتى.

بېزەك

  • بېزەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مارجان، بىلەزۈك قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرى، زىبۇزىننەت:[مىسال:] قىز-جۇۋانلار قۇلاق، بۇيۇنلىرىغا، بارماق ۋە بىلەكلىرىگە ئالتۇن بېزەكلەر تاقاپتۇ.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىگە ئىشلەنگەن نەقىش، گۈل:[مىسال:] تامغا قاپارتما شەكلىدە ئىشلەنگەن بېزەكلەر نەملىشىپ بۇزۇلۇشقا باشلىغانىدى.

بېزەكلىك

  • بېزەكلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بېزىكى بار، ئۈستىگە نەقىش ئىشلەنگەن، بېزەلگەن؛ زىننەتلىك:[مىسال:] بېزەكلىك تام.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بېزەك قىلىشقا بولىدىغان، بېزەك بۇيۇمى قىلىشقا لايىق:[مىسال:] ئامىنە، قارا، قولۇڭغا سالىدىغان بېزەكلىك ئۈچۈن ساپسېرىق ئالتۇن ئالىمەن، ئۇ چاغدا نېمە دەيسەن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇرپان ۋىلايىتىدىكى قەدىمىي يادىكارلىقلار ساقلانغان بىر جاينىڭ نامى.

بېزەلمەك

  • بېزەلمەك[يەشمىسى:] «بېزىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] سۇلتان ھاجىنىڭ تۇرار جايى رەڭمۇرەڭ گىلەملەر بىلەن بېزەلگەنىدى.

بېزەنمەك

  • بېزەنمەك[يەشمىسى:] «بېزىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] دەيدىكى، نە ھاجەت بېزەنمەك، ئۆگەنگىن، سۆزلىرىڭ گۈل ئاچسۇن...

بېزىمەك

  • بېزىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەر خىل چىرايلىق، زىننەتلىك نەرسىلەر بىلەن زىننەتلىمەك:[مىسال:] ئۆينى بېزىمەك. زالنى بېزىمەك.

بېزىندە

  • بېزىندە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قولتارتقۇ.

بېسىشماق

  • بېسىشماق[يەشمىسى:] «باسماقⅢ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بېسىق

  • بېسىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىكار ئەمەس، ئالدىراش، باس-باس:[مىسال:] مۇشۇنداق ئىشنىڭ بېسىق ۋاقتىدا نۇرۇم نەدە يۈرىدىغاندۇ، دېدى زورىخان.[يەشمىسى:] ② ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، سالماق، تەمكىن:[يەشمىسى:] مىجەزى بېسىق.

بېسىقتۇرماق

  • بېسىقتۇرماق[يەشمىسى:] ① «بېسىقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئېھتىمال ئۇ كۆپچىلىككە بىر-ئىككى ئېغىز سۆز قىلىپ بۇ ئىشنى چىرايلىقچە بېسىقتۇرار.[يەشمىسى:] ② جاي-جايىغا ئورۇنلاشتۇرماق، جايلاشتۇرماق، تۈزەشتۈرمەك:[مىسال:] زورىخان بولسا ئۆي ئىچىنى بېسىقتۇرۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆلتۈرمەك:[مىسال:] يەر ئىسلاھاتىدىن كېيىن يېڭى ھۆكۈمەت ھەددىدىن ئاشقان قان قىساسى بار بەش زومىگەرنى بېسىقتۇردى.

بېسىقتۇرۇشماق

  • بېسىقتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «بېسىقتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] دېھقانلار جىددىي كۈرەش قىلىپ، زور ئەنسىزچىلىكنى بېسىقتۇرۇشتى.

بېسىقتۇرۇلماق

  • بېسىقتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «بېسىقتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ قىلغان بۇزغۇنچىلىقلىرى پۈتۈن جامائەت ئالدىدا پاش قىلىنىپ، شەرمەندە بولۇپ بېسىقتۇرۇلدى.

بېسىقلىق

  • بېسىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۈستى-ئۈستىگە ئېلىپ قويۇلغان، بېسىلغان، قاچىلانغان:[مىسال:] ئاشلىق بېسىقلىق ھارۋا.[يەشمىسى:] ② مەتبەئەدىن چىققان، نەشر قىلىنغان:[مىسال:] شۈجى چوڭ قىزىل خەت بېسىقلىق بىرنەچچە بەت ماتېرىيالنى يانچۇقىدىن چىقاردى.

بېسىقماق

  • بېسىقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بېسىلماق، پەسلىمەك، جىمىماق، تىنچىماق، توختىماق:[مىسال:] ئەمەت ئۇستا ئۆزىچە تېرىكىپ-چېچىلىپ يەنە بېسىقىپ قالدى.[يەشمىسى:] ② ئازلىماق، شالاڭلاشماق، پەسەيمەك:[مىسال:] كۈز كېلىپ ئېتىز-ئېرىقلاردىكى ئالدىراشلىقلارمۇ بېسىقتى.

بېسىلغاق

  • بېسىلغاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كرېسىت گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇرۇقى توخۇمسىمان، تېبابەتچىلىكتە يەر ئۈستىدىكى قىسمى ۋە ئۇرۇقى دورا قىلىنىدۇ. ئۇ جىگەرنى ياخشىلاپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، تال ۋە ئاشقازاننى تولۇقلاش، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش رولىغا ئىگە.

بېسىلماق

  • بېسىلماق[يەشمىسى:] ① «باسماقⅢ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھارۋىغا يۈك بېسىلدى.[يەشمىسى:] ② «باسماقⅢ» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ ئاغزى بېسىلدى.[يەشمىسى:] ③ جىددىيلىك پەسەيمەك، نورمال ئىزىغا چۈشمەك؛ توختىماق:[مىسال:] جېدەل بېسىلدى.

بېسىم

  • بېسىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] مەلۇم نەرسىنىڭ بىرلىك يۈزىگە چۈشكەن ئېغىرلىق كۈچى:[مىسال:] قان بېسىمى.[يەشمىسى:] ② قىسىش، ئېزىش، زۇلۇم سېلىش:[مىسال:] ئۇ قاتتىق بىر روھىي بېسىم پەيدا قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى.[يەشمىسى:] ③ ئېغىر ۋەزىپە، مەسئۇلىيەت:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈرىكى ھازىر ئىككى خىل بېسىم ئاستىدا قىينىلاتتى.

بېسىمدار

  • بېسىمدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاۋار، ئاشلىق ۋە ئېھتىياجلىق ماللارنى ئەرزان ۋاقتىدا ئېلىپ قويۇپ بازار جىددىيلەشكەندە، قىممەتلىگەندە، قەھەتچىلىك ۋاقتىدا يۇقىرى باھادا ساتقۇچى ھايانكەش.

بېسىمدارلىق

  • بېسىمدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەرزان ئېلىپ، قىممەت سېتىش ئارقىلىق بازارنى جىددىيلەشتۈرۈپ قىممەتچىلىك پەيدا قىلىش، ھايانكەشلىك:[مىسال:] ئېيتىڭا، ئۇلار نېمە ئۈچۈن بېسىمدارلىق بىلەن كۆز-كۆز قىلىدۇ دېدى غوپۇر تېيىپ مۇئەللىمگە.

بېسىملىق

  • بېسىملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بېسىمى بار، بېسىمغا ئىگە، بېسىمى بولغان:[مىسال:] بېسىملىق سۇ. بېسىملىق گاز.

بېسىۋالدى

  • بېسىۋالدى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بېسىپ+ئالدى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كۈزلۈك قوغۇنلارنىڭ بىر خىلى. ئادەتتە پوستى قېلىن، ئېتى چىڭ بولۇپ ساقلاشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ، ئاپتاپقا سېلىنىپ ساقلانسا، ئەتلىرى يۇمشاپ، پوستى نېپىزلەپ يېيىشلىك بولىدۇ. رەڭگى كۆپىنچە پىياز كۆكى رەڭگىدە كېلىدۇ.

بېشارەت

  • بېشارەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① ئالدىن بېرىلگەن خەۋەر، بەلگە، ئۇچۇر:[مىسال:] قارنىڭ مۇنداق كۆپ ياغقىنى مول ھوسۇلنىڭ بېشارىتى[يەشمىسى:] ② ئىپادە، ئىنكاس، ئىشارەت:[مىسال:] باشلىقنىڭ سۆزىدىن ئۇ ئاللىقانداق بىر ھېكىمەتنىڭ بېشارىتىنى سەزگەنىدى.

بېشارەتلىك

  • بېشارەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئالدىن كۆرىدىغان، كەلگۈسىدىكى ۋەقە-ھادىسىلەر ھەققىدە ئالدىن خەۋەر بېرىدىغان:[مىسال:] تىلدىمۇ بېشارەتلىك ۋە ئىلھام بېرەرلىك ئامىللار مول بولۇش كېرەك.

بېشىچە

  • بېشىچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بېشى بىلەن، بېشى تەرەپ بىلەن:[مىسال:] ھارۋىدىن ئۇچۇپ چۈشكەن بالا سۇغا بېشىچە كىرىپ كەتتى.

بېغىر

  • بېغىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] جىگەر.

بېغىرتاق

  • بېغىرتاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قۇشلارنىڭ بىر خىلى. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى، چوڭ-كىچىكلىكى كەپتەرگە ئوخشايدۇ، گۆشىنى يېيىشكە بولىدۇ.

بېغىرساق

  • بېغىرساق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ۋاپادار، سادىق، مېھرىبان.

بېغىرلاتماق

  • بېغىرلاتماق[يەشمىسى:] «بېغىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ كېچىچە يامغۇر ئارىلاش چىققان قاتتىق بوران دان تۇتۇۋاتقان بولۇق بۇغدايلارنى يەر بېغىرلىتىپ ياتقۇزۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مول ھوسۇلدىن ئۈمىدسىزلەندى.

بېغىرلاشماق

  • بېغىرلاشماق[يەشمىسى:] «بېغىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار يەر بېغىرلىشىپ خېلى ماڭدى.

بېغىرلىغۇچى

  • بېغىرلىغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بېغىرلاپ ماڭغۇچى:[مىسال:] يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار.

بېغىرلىماق

  • بېغىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باغرىنى يەر ياكى مەلۇم بىر تەكشىلىككە چاپلاپ دېگۈدەك دەرىجىدە ئۆمىلىمەك، ئۆمىلەپ ئىلگىرلىمەك:[مىسال:] يەر بېغىرلاپ ماڭماق.

بېغىشⅠ

  • بېغىشⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىلەكنىڭ ئالىقان بىلەن تۇتىشىدىغان ئۈگىسى. [يەشمىسى:] ② ئۇستىخان ۋە غولنىڭ تۇتىشىپ تۇرىدىغان ھەربىر ئۈگىسى:[مىسال:] ئۇلار ئۇخلىغان چاغدا تېنىنى بېغىش-بېغىشلىرىدىن چېپىپ پارچىلىۋەتسىمۇ ھەرگىز ئويغانمايدۇ.[يەشمىسى:] ③ زىرائەتنىڭ ھەربىر بوغۇملىرىنىڭ تۇتىشىپ تۇرغان، مېۋىلەرنىڭ غولىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان جايى:[مىسال:] ھەر تاۋۇز، ھەر تاۋۇز، ھەر بېغىشتا بىر تاۋۇز.

بېغىشⅡ

  • بېغىشⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈگمەننىڭ نۆۋىتىنى كۈتۈپ ئاپىرىپ قويىدىغان ئازراق ئاشلىق، ئۈگۈت:[مىسال:] تۈگمىنىڭ تېگەر بولسا، بېغىشىڭنى قۇيدۇرما. ئاشىقىڭدىن سۆز ئالساڭ، دۈشمىنىڭگە تۇيدۇرما.

بېغىشلاتماق

  • بېغىشلاتماق[يەشمىسى:] «بېغىشلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بېغىشلاشماق

  • بېغىشلاشماق[يەشمىسى:] «بېغىشلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بېغىشلانماق

  • بېغىشلانماق[يەشمىسى:] «بېغىشلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مېنىڭ بارلىقىم ئۆز خەلقىمگە بېغىشلانغان.

بېغىشلىما

  • بېغىشلىما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر پائالىيەت، ۋەقە، چوڭ قۇرۇلۇش، گېزىت-ژۇرناللارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ئاتاپ ياكى تەبرىكلەپ يېزىلغان چاقىرىق، ئۈمىد ئىپادىلەنگەن كىرىش سۆز ياكى ھەر خىل قوليازما:[مىسال:] يېڭى يىلغا بېغىشلىما.

بېغىشلىماق

  • بېغىشلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سەرپ قىلماق، تىكلىمەك، تەقدىم قىلماق، ئاتىماق:[مىسال:] تۇردىئاخۇن ئاكا پۈتۈن ئۆمرىنى ئەلنەغمە، مۇزىكىچىلىق ۋە مۇقامچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلىغانىدى.[يەشمىسى:] ② بەخش ئەتمەك؛ بەرمەك؛ ئېلىپ كەلمەك:[مىسال:] ھايات بېغىشلىماق. * دېرىزىدىن كىرگەن سالقىن شامال ھەبىبىگە راھەت بېغىشلىدى.[يەشمىسى:] ③ ئاتاپ يازماق:[مىسال:] مەن كلاسسىك شائىرلاردىن بىر نەچچىسىنىڭ گۈزەللەرگە بېغىشلىغان شېئىرلىرىنى ئوقۇپ بېرەي.

بېقىشماق

  • بېقىشماق[يەشمىسى:] ① «باقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار خۇشاللانغان ھالدا بىر-بىرىگە بېقىشتى.[يەشمىسى:] ② ياردەملەشمەك، ھەمكارلاشماق، قاراشماق:[مىسال:] پەخرىدىن بىرقانچە ساۋاقداشلىرىنى باشلاپ كېلىپ، ياسىن ئاكامنىڭ كېۋەز چاغلىمىغا بېقىشتى.

بېقىلماق

  • بېقىلماق[يەشمىسى:] «باقماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] گۈلسۈمخان ئانا دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە ياخشى داۋالاندى ۋە ئوبدان بېقىلدى.

بېقىم

  • بېقىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېقىلىش، پەرۋىش قىلىنىش:[مىسال:] بۇ بالىنىڭ بېقىمى ياخشى بوپتۇ.

بېقىمتۇل

  • بېقىمتۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يېشىل بىلەن سېرىق ئارىلىقىدىكى رەڭ.

بېقىمسىز

  • بېقىمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياخشى بېقىلمىغان، ياخشى پەرۋىش قىلىنمىغان، قاراقسىز:[مىسال:] بوۋاي: ئۆتمۈشتە بالىلىرىم ئاچ-يالىڭاچلىقتا بېقىمسىز قېلىپ، ئۆمۈر سۈرەلمەپتىكەن، دېدى.

بېقىمسىزلىق

  • بېقىمسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياخشى كۈتۈلمەي، بېقىمسىز، قارىغۇچىسىز قالغان ھالەت، كۈتۈمسىزلىك.

بېقىندۇرماق

  • بېقىندۇرماق[يەشمىسى:] «بېقىنماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بېقىندۇرۇلماق

  • بېقىندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «بېقىندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بېقىندى

  • بېقىندى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇستەقىل ۋە ئىختىيارىي ئەمەس؛ ئەركىن ۋە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولمىغان:[مىسال:] بېقىندى دۆلەت. بېقىندى ئەل.

بېقىندىلىق

  • بېقىندىلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېقىندى ھالەت:[مىسال:] ھەرقانداق بىر يېڭى كەشپىيات بېقىندىلىقنىڭ بۈگۈنگە قەدەر تېخى بايقالمىغان قالدۇقىنى كۆرسىتىپ كەلدى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بېقىندى ئورۇندا تۇرىدىغان، بېقىندى ھالەتتىكى:[مىسال:] بېقىندىلىق مۇناسىۋەت. بېقىندىلىق ھالەت.

بېقىنماق

  • بېقىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىختىيارىدا بولماق؛ بويسۇنماق:[مىسال:] مۇھەببەت كىشىنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدۇ، دېگەن توغرىمۇ؟ بېقىنىدۇ، دېگەن توغرىمۇ؟

بېقىنىشماق

  • بېقىنىشماق[يەشمىسى:] «بېقىنماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بېكەت

  • بېكەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] پويىز، ئاپتوبۇس قاتارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول ئۈستىدە توختاش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن جايى، ئورنى.

بېككىرىل

  • بېككىرىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] رادىئوئاكتىپلىق كۈچىنىش بىرلىكى SI نىڭ كەسپىي ئاتىلىشى. بەلگىسى Bq.

بېكىتكۈزمەك

  • بېكىتكۈزمەك[يەشمىسى:] «بېكىتمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بېكىتمە

  • بېكىتمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېكىتىلگەن كۆرسەتكۈچ، نورما:[مىسال:] باج بېكىتمىسى.

بېكىتمەك

  • بېكىتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مەھكەملىمەك، ئېچىلمايدىغان قىلماق:[مىسال:] ئىشىكنى ئىچىدىن بېكىتمەك.[يەشمىسى:] ② ئورناتماق:[مىسال:] دېرىزە بېكىتمەك. ئىشىككە تۇتقۇچ بېكىتمەك. ئۆيگە چىراغ بېكىتمەك.[يەشمىسى:] ③ مۇزاكىرە قىلىپ مۇقىمدىماق، توختاتماق:[مىسال:] تۈزۈم بېكىتمەك.[يەشمىسى:] ④ بەلگىلىمەك، قارارلاشتۇرماق:[مىسال:] پارتكوم ئۇنى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا مەسئۇل قىلىپ بېكىتتى.

بېكىتىشمەك

  • بېكىتىشمەك[يەشمىسى:] «بېكىتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بېكىتىكلىك

  • بېكىتىكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بېكىتىلگەن، بېكىتىپ قويۇلغان؛ تاقالغان؛ يېپىلغان:[مىسال:] ئاۋاز چىقىۋاتقان جاينىڭ ئىشىكى بېكىتىكلىك ئىدى.

بېكىتىلمەك

  • بېكىتىلمەك[يەشمىسى:] «بېكىتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بوۋاق تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈن بولغاندا، ئۇنىڭغا قويۇلىدىغان ئىسىم بېكىتىلدى.

بېكىشمەك

  • بېكىشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پۈتۈشمەك.

بېكىمەك

  • بېكىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چىڭىماق؛ مۇستەھكەملەنمەك.

بېكىندۈرمەك

  • بېكىندۈرمەك[يەشمىسى:] «بېكىنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بېكىنمە

  • بېكىنمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سىرتقا قارىتا تاقالغان، مۇناسىۋەت ئۈزۈلگەن:[مىسال:] بېكىنمە ھالەت.

بېكىنمەك

  • بېكىنمەك[يەشمىسى:] ① «بېكىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② يوشۇرۇنماق، سۇقۇنماق:[مىسال:] ئۇلار كۆۋرۈك ئاستىغا بېكىندى.

بېكىنمىچىلىك

  • بېكىنمىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى چەتنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى يېڭىلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغان، ئۆزىنىڭكىنىمۇ سىرتقا چىقارمايدىغان بىر خىل بىر ئىزدا تۇرۇۋېلىش نۇقتىئىنەزىرى، ئىدىيىسى.

بېكىنمىلىك

  • بېكىنمىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېكىنمە ھالەت، يەنى سىرت بىلەن بولىدىغان ئالاقە-مۇناسىۋەت چەكلەنگەن، ئۈزۈلگەن ھالەت.

بېڭلۇڭ

  • بېڭلۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن يۈننەنگە جايلاشقان.

بېگەن

  • بېگەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىغى دەستىسىگە نىسبەتەن كۆندىلەڭ ئورنىتىلغان، ياغاچچىلىقتا يوغان ياغاچلارنى قىر چىقىرىپ سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تىغلىق سايمان، يوغان چاپما چوت.

بېگېموت

  • بېگېموت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. ئۇنىڭ تېنى چوڭ، بېشى يوغان ۋە تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلدە كېلىدۇ؛ كۆپ ۋاقىتلاردا سۇدا ياشايدۇ، ئادەتتە بېشىنى سۇ يۈزىگە چىقىرىپ تۇرىدۇ؛ ئافرىقىدىن چىقىدۇ.

بېل

  • بېل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئېلېكتر<[يەشمىسى:] ئېلېكتر ئىلمى ۋە ئاكۇستىكىدا قۇۋۋەتنى ياكى قۇۋۋەت زىچلىقىنىڭ نىسبەت قىممىتىنى ئۆلچەيدىغان بىر خىل بىرلىك. بۇ نام تېلېفوننى ئىختىرا قىلغۇچى بېل (A.G.BELL) نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بېرىلگەن.

بېلەت

  • بېلەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىدىن قانۇنىي پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە، مەتبەئەدە بېسىلغان ياكى يېزىلغان قەغەز:[مىسال:] كىنو بېلىتى. ماشىنا بېلىتى.

بېلەتچى

  • بېلەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېلەت ساتىدىغان ۋە بېلەتنى تەكشۈرىدىغان خادىم:[مىسال:] بېلەتچى يىگىت قائىدە بويىچە ھەربىر ئادەمنىڭ بېلىتىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.

بېلەتچىلىك

  • بېلەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېلەت سېتىش ئىشى:[مىسال:] بېلەتچىلىك قىلماق.

بېلەتسىز

  • بېلەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بېلىتى يوق، بېلەت ئالمىخان:[مىسال:] بېلەتسىز كىشى ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② بېلەتتىن پايدىلانماي ئېلىشقا بولىدىغان، بېلەت كېرەك قىلىنمايدىغان:[مىسال:] بېلەتسىز گۆش. بېلەتسىز ئۇن.

بېلەتلىك

  • بېلەتلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بېلىتى بار، بېلەت ئالغان:[مىسال:] بۇ كىنوغا بېلەتلىك ئادەملەرلا كىرەلەيتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بېلەتتىن پايدىلىنىپ ئېلىشقا بولىدىغان، بېلەت لازىم قىلىنىدىغان:[مىسال:] بېلەتلىك تاماق. بېلەتلىك شېكەر.

بېلورۇس

  • بېلورۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار شەرقىي سلاۋيانلارغا مەنسۇپ بولۇپ، بېلورۇسىيە دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇندىن باشقا رۇسىيە قاتارلىق شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ بىرقىسىم بېلورۇسلار ياشايدۇ.

بېلىجان

  • بېلىجان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك بېلىق، بېلىق بالىسى.

بېلىق

  • بېلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ① سۇدا ياشايدىغان ئومۇرتقىلىق ھايۋان. تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كۆپلىرىنى ئىستېمال قىلىشقا ياكى بېلىق يېلىمى ئىشلەشتە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ ھايۋاننىڭ گۆشى:[مىسال:] قورۇلغان بېلىق.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ مۈچەل يىل ھېسابىدا بەشىنچى يىلنىڭ نامى:[مىسال:] بېلىق يىلى.

بېلىق كۆزى

  • بېلىق كۆزى[يەشمىسى:] ① بېلىقنىڭ كۆزى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] لىق، لىقمۇلىق، قاچىنىڭ گىرۋىكى بىلەن تەڭ (بولۇپمۇ ھاراق ھەققىدە):[مىسال:] ھاراقنى بېلىق كۆزى قىلىپ قۇيماق.

بېلىقئالغۇچ

  • بېلىقئالغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بېلىق+ئالغۇچ[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۇ قۇشى. پەي-تۈكلىرىنىڭ رەڭگى قارا، يېشىل ۋە پارقىراپ تۇرىدۇ. تۇمشۇقى ياپىلاق، ئۇزۇن، رەڭگى قارامتۇل، ئۈستۈنكى تۇمشۇقىنىڭ ئۇچىدا ئىلمىكى بار، سۇدا ئۈزۈلەيدۇ، بېلىق تۇتۇشقا ماھىر. گېلىدا خالتىسىمان پوكىنى بولۇپ، تۇتقان بېلىقنى خالتا ئىچىگە سالىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ جەبۇبىغا ماكانلاشقان.[يەشمىسى:] «قارنا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

بېلىقچىⅠ

  • بېلىقچىⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] «چايكا»غا قاراڭ.

بېلىقچىⅡ

  • بېلىقچىⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېلىق بېقىش، بېلىق تۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم:[مىسال:] بېلىقچىنىڭ كۈنى سۇدا (ماقال).

بېلىقچىلىق

  • بېلىقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېلىق بېقىش، بېلىق تۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى، ئىشى.

بېلىقدان

  • بېلىقدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىچىدە بېلىق بېقىلىدىغان ئەينەك قاچا:[مىسال:] چاۋار تەكچىگە قويۇلغان بېلىقداندىكى رەڭمۇرەڭ بېلىقلارغا بىرپەس قاراپ تۇردى.

بېلىقسىمان

  • بېلىقسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بېلىققا ئوخشايدىغان، بېلىق شەكىللىك:[مىسال:] بېلىقسىمان قۇش.

بېلىقگۈل

  • بېلىقگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بېلىق+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چوقا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرماقلىرى تارىلىپ ئۆسىدۇ؛ گۈلىنىڭ رەڭگى سېرىق؛ تېنىنىڭ يەر ئۈستى قىسمى دورا قىلىنىدۇ. ئۇ ئىسسىقنى قايتۇرۇپ ياللۇغنى يوقىتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش رولىغا ئىگە.

بېلىقلېشى

  • بېلىقلېشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بېلىق+لەش+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يارلىقئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى كىچىك بولۇپ، سۇس سۆسۈن رەڭدە ئېچىلىدۇ؛ بىر جىنسلىق تۈپكە كىرىدۇ.

بېلىقئوتى

  • بېلىقئوتى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بېلىق+ئوت+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بېلىق ئوتى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تاتلىق سۇدا ئۆسىدۇ؛ كۆپىنچە بېلىق باقىدىغان قاچىلاردا زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە ئۆستۈرۈلىدۇ.

بېنەپتە

  • بېنەپتە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ھەپتىنىڭ بازار بولمايدىغان كۈنى، بازار كۈنىنىڭ ئەكسى.

بېنزول

  • بېنزول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ھىدروكاربون بىرىكمىسى، مولېكۇلا فورمۇلىسى C6 H6. رەڭسىز خۇش پۇراقلىق سۇيۇقلۇق؛ تاشكۆمۈر مېيى ھەم نېفىتتىن ئاجرىتىۋېلىنىدۇ.

بېنزوي

  • بېنزوي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، مولېكۇلا فورمۇلىسى C7 H602. ئاق رەڭلىك كرىستال. مېدىتسىنادا تەمرەتكە، يۇتقۇنچاق ياللۇغى ۋە بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

بېنزىل

  • بېنزىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ھىدروكاربون بىرىكمىلىرىنىڭ بىر خىلى، ئورگانىك خىمىيىدە بىرىكىش بىرلىكى دەپ قارىلىدۇ.

بېنزىن

  • بېنزىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ھىدروكاربون بىرىكمىلىرىنىڭ ئارىلاشما سۇيۇقلۇقى، نېفىتتىن ئايرىۋېلىنىدۇ، ئاسان پارغا ئايلىنىدۇ.

بېھى

  • بېھى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئازغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. مېۋىسى خۇش پۇراقلىق، تەمى چۈچۈمەل بولۇپ، مۇراببا قاينىتىشقا ياكى دورا ياساشقا بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② مۇشۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

بېھىش

  • بېھىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] «جەننەت»كە قاراڭ.

بېھىلىك

  • بېھىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بېھىسى بار، بېھى ئۆسكەن، بېھى سالغان:[مىسال:] بىھىلىك پولۇ. بېھىلىك باغ. بېھىلىك مەھەللە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېھى دەرىخى كۆپ ئۆسكەن جاي.

بېيىت

  • بېيىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ① ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان ياكى ئېيتىلغان ئىككى مىسرالىق نەزمە.[يەشمىسى:] ② شۇ ژانىردا يېزىلغان شېئىرىي پارچە.

بېيىتماق

  • بېيىتماق[يەشمىسى:] «بېيىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يەرلەرنى ھۆددە بېرىش سىياسىتى دېھقانلارنى بېيىتتى.

بېيىتىلماق

  • بېيىتىلماق[يەشمىسى:] «بېيىتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بېيىشماق

  • بېيىشماق[يەشمىسى:] «بېيىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بېيىماق

  • بېيىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بايلىققا، دۇنياغا، دۆلەتكە ئىگە بولماق:[مىسال:] دېھقان-چارۋىچىلار بارغانسېرى بېيىدى.[يەشمىسى:] ② مۇكەممەللەشمەك، يېتىلمەك، تەرەققىي قىلماق:[مىسال:] بىزنىڭ سەنئىتىمىز ئۆسىدۇ، بېيىيدۇ.[يەشمىسى:] ③ كۆپلەپ يىغىلماق، توپلانماق:[مىسال:] ئىشلىگەنسېرى تەجرىبىمىز بېيىدى.

بىئارام

  • بىئارام[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئارامى، خاتىرجەملىكى يوق، ئەنسىز، تىنچ، خاتىرجەم ئەمەس:[مىسال:] بىئارام بولماق، بىئارام قىلماق.

بىئارامچىلىق

  • بىئارامچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خاتىرجەمسىزلىك، ئەنسىزلىك:[مىسال:] ئەنە شۇنداق بىئارامچىلىقتا كېچە سائەت ئىككىدىن ئېشىپ كەتتى.

بىئاراملانماق

  • بىئاراملانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىنچلىقى، خاتىرجەملىكى بۇزۇلماق؛ خاتىرجەمسىزلەنمەك؛ بىئارام بولماق:[مىسال:] ئۇ بىئاراملىنىپ ئۇخلىيالمىدى.

بىئاراملىق

  • بىئاراملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەنسىزلىك، ئارامسىزلىق، خاتىرجەمسىزلىك:[مىسال:] نېغمەت بىئاراملىق ئىچىدە قالدى.

بىئارمان

  • بىئارمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «ئارمانسىز»غا قاراڭ:[مىسال:]

  • گۈل-چېچەكلىك يېپيېڭى دۇنيا،

  • بەخش ئەتكەن ئېلىمگە باھار.

  • ئېچىلغان گۈل باغدا بىئارمان،

  • تاغ-دالىلار تۈس ئالغان رەڭدار.

بىئەپ

  • بىئەپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «ئەپسىز»گە قاراڭ:[مىسال:] رابىخان گەپ قىلاي دېدى-يۇ، سورۇننى بىئەپ ھېس قىلدى.

بىئەپلىك

  • بىئەپلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەپسىزلىك، قۇلايسىزلىق.

بىئەجەل

  • بىئەجەل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەجەل يەتمەستىن، ۋاقتى توشماي، ۋاقىتسىز:[مىسال:] بىئەجەل ئۆلۈم.

بىئەدەپ

  • بىئەدەپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «ئەدەپسىز»گە قاراڭ:[مىسال:] مەندۇرمەن سېنىڭ چوڭ پادىشاھىڭ، سەن بىئەدەپنىڭ كۆپتۈر گۇناھىڭ.

بىئەدەپلىك

  • بىئەدەپلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئەدەپسىزلىك»كە قاراڭ:[مىسال:] ھاشىم يېڭى تونۇشىنىڭ بىئەدەپلىكىنى كەچۈردى، ئىككىسى دوست بولدى.

بىئەقىل

  • بىئەقىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «ئەقىلسىز»گە قاراڭ:[مىسال:] ئەي بىئەقىل خەير. ئۆزۈڭگىمۇ قىلدىڭ، ماڭىمۇ قىلدىڭ.

بىباش

  • بىباش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] باش بەرمەيدىغان؛ گەپكە كىرمەيدىغان، بويسۇنمايدىغان، ئۆز بېشىمچى:[مىسال:] ھەر تامان ئۈزىمەن بىباش قېيىقتەك، بوراندا دولقۇنلار ھايات دېڭىزى.

بىباھا

  • بىباھا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «باھاسىز»غا قاراڭ.

بىبلىئوگراف

  • بىبلىئوگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بىبلىئوگرافىيە مۇتەخەسسىسى، بىبلىئوگرافىيە ساھەسىدە نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي جەھەتتىن يېتىلگەن ئالىم.

بىبلىئوگرافىيە

  • بىبلىئوگرافىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① ئېنىق قائىدە-تەرتىپلەر بويىچە كىتابلارنىڭ كاتولوگىنى ئىشلەش ۋە كىتابلارنى بەلگىلىك قانۇنىيەتلەر بويىچە تۈرلەرگە ئايرىش ئىلمى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم بىر ساھە ياكى مەلۇم بىر ئاپتورنىڭ كىتاب ياكى ماقالە-ئەسەرلىرىنىڭ تۈرلەر بويىچە ئايرىلغان كاتولوگى.[يەشمىسى:] ③ (گېزىت-ژۇرناللاردا بېرىلگەن) كىتاب-ژۇرنال ياكى ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى.

بىبلىئوگرافىيىلىك

  • بىبلىئوگرافىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىبلىئوگرافىيىگە ئائىت، بىبلىئوگرافىيىگە خاس، شۇنىڭغا تەئەللۇق.

بىپايان

  • بىپايان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «پايانسىز»غا قاراڭ.

بىپەرداز

  • بىپەرداز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «پەردازسىز»غا قاراڭ:[مىسال:] ئاناڭنى داداڭغا بىپەرداز كۆرسەتمە (ماقال).

بىپەرۋا

  • بىپەرۋا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پەرۋاسىز، بىغەم:[مىسال:] بىپەرۋا قىياپەت. بىپەرۋا بالا.

بىپەرۋالىق

  • بىپەرۋالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىپەرۋا ھالەت:[مىسال:] بىپەرۋالىق قىلماق. * ئۇرۇش ۋاقتىدا ھەرقانداق بىپەرۋالىق دۈشمەنگە پايدىلىق.

بىپەم

  • بىپەم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «پەمسىز»گە قاراڭ:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇنداق بىپەم گۆدەكلەرچە قىلىقىغا ھەممە ئادەم غەزەپلەندى.

بىپەيز

  • بىپەيز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پەيزى يوق، پەيزسىز:[مىسال:] ئۇ يەر جىمجىت، بىپەيزى بولۇپ، ھاۋامۇ ياخشى ئەمەس، يامغۇر ياغىدىغاندەك تۇراتتى.

بىتاب

  • بىتاب[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان؛ ئاغرىق، كېسەل:[مىسال:] بىتاب بولماق.

بىتابلىق

  • بىتابلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىتاب بولۇش، بىتاب ھالەت.

بىتاقەت

  • بىتاقەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «تاقەتسىز»گە قاراڭ.

بىتاقەتلىك

  • بىتاقەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «تاقەتسىزلىك»كە قاراڭ:[مىسال:] ئەركىن قاپىقىنى سېلىپ، بىتاقەتلىك بىلەن ھەدەپ قىمىرلايتتى.

بىتەرەپ

  • بىتەرەپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھېچقايسى تەرەپكە يان باسمايدىغان، ھېچقايسى تەرەپكە قوشۇلمايدىغان؛ ئىككى ئوتتۇرىدا:[مىسال:] بىتەرەپ پوزىتسىيە. بىتەرەپ دۆلەت.

بىتەرەپچىلىك

  • بىتەرەپچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسىي مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاشنى؛ ھەرقانداق ھەربىي گۇرۇھقا قاتناشماسلىق، ئۆز زېمىنىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي بازىسىغا ئايلاندۇرماسلىق، ھەرقانداق دۆلەت بىلەن دۈشمەنلەشمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان ۋە شۇنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر خىل دىپلوماتىك بەلگىلىمە؛ قارارنامە.

بىتەرەپلەشمەك

  • بىتەرەپلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىتەرەپ ھالەتكە كەلمەك، بىتەرەپ بولماق.

بىتەرەپلىك

  • بىتەرەپلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىتەرەپ تۇرۇش، بىتەرەپ ھالەت.

بىتەرەت

  • بىتەرەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تەرەتسىز، تەرىتى سۇنغان:[مىسال:] قېيۇمنىڭ دادىسى بىتەرەت يەرگە دەسسىمەيدىغان ئادەم ئىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بويى پاكلانمىغان، پاسكىنا.

بىتەلەي

  • بىتەلەي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «تەلەيسىز»گە قاراڭ:[مىسال:] بىتەلەي ئادەم. * بىتەلەيگە سۇ كەلسە، ئاللاكۇدىن يار كېتىپتۇ (ماقال).

بىتەلەيلىك

  • بىتەلەيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەلەيسىزلىك.

بىتچىت

  • بىتچىت[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تارمار، گۇمران؛ ۋەيران:[مىسال:] بىتچىت بولماق. بىتچىت قىلماق.

بىتۇيۇق

  • بىتۇيۇق[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تۇيۇقسىز، توساتتىن:[مىسال:]

  • بىلمىدىم، دوستۇم، بۈگۈن نە ئىشنى نىشان قىلدىڭلار

  • بىتۇيۇق نامە ئەۋەتىپ مېنى ھەيران قىلدىڭلار.

بىتىم

  • بىتىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تارخ<[يەشمىسى:] كېلىشىم، توختام، قارار، پۈتۈم:[مىسال:] سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىدە 1946-يىل 6-ئىيۇل كۈنى 11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى ئىمزالاندى.

بىجاق

  • بىجاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىجاق نان. بازار نېنىدىن سەل نېپىز ۋە سەل چوڭراق، يۈزىگە چەككۈچ چېكىپ، تۇنۇرغا ئۇدۇللۇق يېقىپ، ئۇدۇللۇق قومۇرۇۋالىدىغان بىر خىل نان.

بىجاقىي

  • بىجاقىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۈزۈمنىڭ بىر تۈرى. ئادەتتىكى ئۈزۈملەردىن كېيىنرەك پىشىدۇ، چۈرۈكرەك كېلىدۇ، تەمىمۇ ئادەتتىكى ئۈزۈملەرگە قارىغاندا سەل قىرتاق بولىدۇ.

بىجە

  • بىجە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بۈدۈر.

بىجى

  • بىجى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوۋاق بالىلارنىڭ بېشىنىڭ ئايپاڭ شەكلىدە چېچى چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى:[مىسال:] بىجى كىرمەك.

بىجىق

  • بىجىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەمچەك (ئاياللارنىڭ).

بىجىقىم

  • بىجىقىم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھۇرۇن، ئىنجىق، يالقاۋ؛ گىجىڭ:[مىسال:] بىجىقىم خوتۇن چاي قايناتقۇچە، چاققان خوتۇن ئاش پىشۇرار (ماقال).

بىجىك

  • بىجىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① قىياق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئادەتتە سۇلۇق ئېتىزلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ.[يەشمىسى:] ② مۇشۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئاستى غولى.

بىجىنار

  • بىجىنار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۆرۈكنىڭ بىر تۈرى؛ ياغلىق ئۆرۈك، ئاق ئۆرۈك.

بىجىنبوش

  • بىجىنبوش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەقلىي ۋە جىسمانى جەھەتتىن ئىقتىدارسىز، بىر ئىشقا قۇربى يەتمەيدىغان، قولىدىن بىر ئىش كەلمەيدىغان، ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن؛ بوشاڭ، غەيرەتسىز:[مىسال:] ئۇنى كۆرگەنلەر تازا بىر بىجىنبوش خوتۇن ئوخشايدۇ، دەپ ھېس قىلىشاتتى.

بىچارە

  • بىچارە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① چارىسىز، ئامالسىز، ئىلاجسىز:[مىسال:] دادىسىنىڭ مۇبارەك يۈزىنى كۆرۈشكە نېسىپ بولمىغان بىچارە ئوغۇل راست غېرىب بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ② ماددىي ئەھۋالى ئېغىر، موھتاجلىقتا، قىيىنچىلىقتا كۈن كەچۈرىدىغان، كەمبەغەل:[مىسال:] بىراق، ئۇ ناھايىتى كەمبەغەل ئىكەن، كەمبەغەل بولغاندىمۇ ھېچ نەرسىسى يوق بىچارە ئىكەن.[يەشمىسى:] ③ «بەختسىز»، «بىتەلەي» دېگەن مەنىدە، ئايانچ ۋە ئېچىنىشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاي بىچارە. * يامان بوپتۇغۇ، بۇ بىچارە ئايالنىڭ پۈتۈن بەدىنى قانغا بويىلىپتۇ.

بىچارىلەشتۈرمەك

  • بىچارىلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «بىچارىلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بىچارىلەشمەك

  • بىچارىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىچارە ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماق، بىچارە بولۇپ كەتمەك.

بىچارىلىك

  • بىچارىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىچارە ھالەت.

بىچەل

  • بىچەل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوڭۇشسىز، قۇلايسىز:[مىسال:] قايسى كۈنكى ئىشمۇ مۇشۇنداق بىچەل ۋاقتىدا كۆزۈمگە كۆرۈنگەن.

بىچىم

  • بىچىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئادەم يۈزىدىكى ياكى ئالىقىنىدىكى سىزىقچىلار.

بىخ

  • بىخ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز، غول ۋە شاخلىرىدىن يېڭى ئۆسۈپ چىققان قىسمى، تېرىلغان ئۇرۇقلاردىن چىققان ئۈندۈرمە:[مىسال:] بىخ سۈرمەك. بىخ چىقارماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىخ ھالەتتىكى، يېڭى:[مىسال:] بىخ سپورا.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەيدانغا كەلگەن يېڭى يۈزلىنىش، خاھىش:[مىسال:] بۇ زىددىيەت ھازىرقى زاماندىكى بارلىق توقۇنۇشلارنىڭ بىخلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

بىخانىمان

  • بىخانىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئۆي-ماكانىدىن، ئائىلىسىدىن ئايرىلغان؛ ئۆي-ماكانسىز:[مىسال:] ھالقا-ھالقا زۇلپىنى بوينۇمغا ئەيلەپ كەمەن، ئاقىۋەت بىخانىمان ئەيلەپ گادا ئۆلتۈرگۈدەك.

بىخەتەر

  • بىخەتەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] خەۋپ-خەتەردىن خالىي، زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيدىغان، قورقۇنچسىز، خەتەرسىز:[مىسال:] بىخەتەر ساندۇق.* ئاپتوموبىل بىخەتەر يول يۈرۈۋاتىدۇ.

بىخەتەرلەشتۈرمەك

  • بىخەتەرلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «بىخەتەرلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بىخەتەرلەشمەك

  • بىخەتەرلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خەتەرسىز ھالەتكە كەلمەك، خەتىرى يوقالماق:[مىسال:] ئائىلىلەردە ئىشلىتىدىغان گاز ئوچاق ھازىر تېخىمۇ بىخەتەرلەشتى.

بىخەتەرلىك

  • بىخەتەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىخەتەر بولۇش، خەتەردىن ساقلاش:[مىسال:] بىخەتەرلىك تورى. بىخەتەرلىك قالپىقى.

بىخەستە

  • بىخەستە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دىققەتسىز، بىپەرۋا، پەرۋاسىز:[مىسال:] ئۇ ئېرىنىڭ بىخەستە تۇرغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، تۇيدۇرماي ئۆيدىكى نەرسىلەرنى ئۆز ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە توشۇپ كېتىپتۇ.

بىخەستەلىك

  • بىخەستەلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دىققەتسىزلىك، بىپەرۋالىق:[مىسال:] بىخەستەلىك قىلماق.

بىخەۋەر

  • بىخەۋەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] خەۋىرى يوق، خەۋەرسىز:[مىسال:] ئۇ زىۋىرشانىڭ ھازىرقى ھالىدىن بىخەۋەر ئىدى.

بىخلاتماق

  • بىخلاتماق[يەشمىسى:] «بىخلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بىخلاشماق

  • بىخلاشماق[يەشمىسى:] ① «بىخلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② بىخ چىقارماق، بىخلىغان ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] تاغاردىكى ئۇرۇقلار نەمدە بىخلاشقانىدى.

بىخلاشتۇرماق

  • بىخلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «بىخلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بىخلاندۇرماق

  • بىخلاندۇرماق[يەشمىسى:] «بىخلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بىخلانماق

  • بىخلانماق[يەشمىسى:] «بىخلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ياڭيۇ ئەتىيازدا ئىسسىق ئۆيدە تۇرۇپ قالسا، ئاسان بىخلىنىپ قالىدۇ.

بىخلىماق

  • بىخلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>دېھقانچىلىق<[يەشمىسى:] ئۇرۇق تۆرەلمىلىرى يېتىلىپ ئۇرۇق پوستىنى يېرىپ چىقماق؛ دەرەخلەرنىڭ يىلتىز ۋە غول شاخلىرى بىخ چىقارماق، بىخ ئۇرماق، بىخ سۈرمەك:[مىسال:] قەلبىم بېغىدا باشقا بىر غۇنچە بىخلىدى، دەپ داۋاملاشتۇردى خېتىنى مەھەممەت.

بىخۇد

  • بىخۇد[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] خۇدى يوق، ھوشيار ئەمەس، بىپەرۋا، بىخەستە:[مىسال:] بىخۇد يۈرمەك. * بىز ھەر دائىم دۈشمەننى بىخۇد دەپ ھېسابلىماسلىقىمىز لازىم.

بىخۇدلاشتۇرماق

  • بىخۇدلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «بىخۇدلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] خەلقنى زەھەرلەيدىغان، بىخۇدلاشتۇرىدىغان ئەپيۈن، نەشە قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە قارشى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش لازىم.

بىخۇدلاشتۇرۇلماق

  • بىخۇدلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «بىخۇدلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ شىرە ئۈستىدىكى بىر بوتۇلكا ھاراق بىلەن بىخۇدلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى.

بىخۇدلاشماق

  • بىخۇدلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىخۇد ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئادەم ئۆزىنىڭ بىخۇدلىشىپ قالغانلىقىنى سەزمەي قالىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ.

بىخۇدلۇق

  • بىخۇدلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىخۇد ھالەت:[مىسال:] بىخۇدلۇق قىلماق.

بىخۇدۈك

  • بىخۇدۈك[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] خۇدۈكسىرىمەي، خۇدۈكسىز:[مىسال:] مېھمانلىرىمىزنىڭ بىخۇدۈك ئولتۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىمىز.

بىخۇدۈكلۈك

  • بىخۇدۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىخۇدۈك ھالەت.

بىداد

  • بىداد[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] دادلانماي، ئەرز، شىكايەت قىلماي:[مىسال:] دادام كونا جەمئىيەتتە تولىمۇ بىداد بولۇپ ھەممە دەرد-ئەلەملىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ ئۆلگەنىكەن. بىز ئەقلىمىزگە كېلىپ ئاندىن بۇنى بىلدۇق.

بىدادلىق

  • بىدادلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دادلانماسلىق، ئەرز، شىكايەت قىلماسلىق:[مىسال:] بىراۋلار داد دېدى زارلاپ زاماندىن، بۇ بىدادلىق بىلەن زۇلمى ياماندىن.

بىدار

  • بىدار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① ئۇيقۇغا كەتمىگەن، ئۇيقۇسىز، ئويغاق:[مىسال:] بىدار بولماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھوشيار، سەگەك، زېرەك:[مىسال:] مەرىپەتنىڭ نۇرىمۇ ھۇۋقۇش ئۈچۈن جان قايغۇسى، مەرىپەتسىز دىلدا غەپلەت ھۇۋقۇشى بىداردۇر.

بىدارلىق

  • بىدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇيقۇسىز، بىدار ھالەت:[مىسال:] نەچچە كۈن بولدى جاراھەتتە روھى-جىسمىم زەئىپ، ئەيلىبان يار كويىدا سۈبھى-شام بىدارلىق.

بىدانە

  • بىدانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۇرۇقسىز قارا كىشمىش ئۈزۈم:[مىسال:]

  • باغدا مەن، مىڭ چۆرۈلۈپ چۈشتى شېخى بىدانە دەپ،

  • سىز مېنى يار ئەتمىدىڭىز ئەقلى كىچىك نادانى دەپ.

بىداۋا

  • بىداۋا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] داۋاسى يوق، داۋاسىز، ساقايمايدىغان:[مىسال:] بىداۋا ئاغرىق. بىداۋا كىشى.

بىداياق

  • بىداياق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. چارۋىچىلىقتا ئالىي سورتلۇق ئوت-چۆپ؛ يېزا ئىگىلىكىدە بولسا قۇمنى تۇراقلاشتۇرغۇچى ئاكتىپ ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ.

بىدئەت

  • بىدئەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىنغا خىلاپ يېڭىلىق، دىندا كېيىن پەيدا بولغان نەرسە:[مىسال:] موللام مۇنداق بىدئەت سوئاللارنى سورىغۇچىلارغا ئىبرەت قىلىش غەرىزىدە غەزەپلىك ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى.

بىدئەتچى

  • بىدئەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىنغا خىلاپ يېڭىلىقلارنى كىرگۈزۈش تەرەپدارى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن كىشى.

بىدئەتچىلىك

  • بىدئەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] بىدئەتچىلەر ۋە بىدئەتكە بېرىلگەنلەرگە خاس ھەرىكەت ۋە خاراكتېر.

بىدئەتلىك

  • بىدئەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دىنىي قائىدىلەرگە ئۇيغۇن بولمىغان يېڭى ئېقىم، ھادىسە ياكى ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، دىنغا خىلاپ قىلىق-ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش.

بىر

  • بىر[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سان.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئەڭ كىچىك ساناق سان ۋە بۇ ساننى ئىپادىلىگەن «1» رەقىمى:[مىسال:] گەپ بىر، قۇلاق ئىككى (ماقال). * بىرنى بىرگە قوشسا ئىككى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈچىنچى شەخس قوشۇمچىسى «ى» بىلەن كېلىپ مەلۇم بىر«كىشى، ئادەم» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىرىدىن قۇتۇلۇپ ئونىغا تۇتۇلدۇم (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ئىسىملارنىڭ ئالدىدا كېلىپ «شۇ»، «مۇشۇ»، «ئوخشاش بىر» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھېيتەم ئەر-خوتۇن بىر مەكتەپتە ئىشلەيدۇ.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ئېنىقسىز قوشۇمچە ۋەزىپىسىدە كېلىپ «قانداقتۇر، ئاللىقانداق، قايسىدۇر، قاچاندۇر»غا ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر كۈنى. بىر ئاخشىمى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پېئىللارنىڭ ئالدىدا ھالەت بولۇپ كېلىپ، ئىش-ھەرىكەتنىڭ مەنىسىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] بۇ خەۋەر مەھەللىگە بىر كەلدى.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:]ئالماش.[يەشمىسى:] «كىم»، «نېمە» سوئال ئالماشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئېنىقسىز ئالماش رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] ئايگۈل يولدا تونۇش بىركىم ئۇچراپ قالسا بولاتتى، دەپ پات-پاتلا ئەتراپىغا قاراپ قوياتتى.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېنىقلىغۇچى بولۇپ كېلىپ ئېنىقلانغۇچىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بەلگە ۋە خۇسۇسىيەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ:[مىسال:] بۇ ناھايىتى مۇرەككەپ بىر مەسىلە.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] «يالغۇز»، «پەقەت» دېگەن مەنىدە تەكىتلەپ كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ:[مىسال:] بۇ ئىشنى بىر تۇرسۇنلا بىلىدۇ، باشقىلار بىلمەيدۇ.[يەشمىسى:] ⑨ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسىملىق جۈملىنىڭ خەۋىرى بولۇپ «ئورتاق»، «ئوخشاش» دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ:[مىسال:] ئەرەبلەر 23 دۆلەت ۋە رايونغا بۆلۈنگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ تىلى بىر، يېزىقى بىر، ئېتىقادى بىر.[يەشمىسى:] 01 [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ سۆز ياساش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] بىر ئاز. بىر قۇر.[يەشمىسى:] 11 [سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] «بىردە»، «بەزىدە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ، ئايرىغۇچى باغلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ:[مىسال:] بىر ئۇنداق دەپ، بىر مۇنداق دەپ دىققىتىمنى چېچىۋەتتىڭىز ئەپەندىم، دەپتۇ ھەسەن زەرگەر.

بىر ئاش پىشىم

  • بىر ئاش پىشىم[يەشمىسى:] بىر قېتىم ئاش پىشقۇچىلىك ۋاقىت، پۇرسەت.

بىر ئالماق

  • بىر ئالماق[يەشمىسى:] بىرەر ئورۇننىڭ ھەممە يېرىنى پۈتۈنلەي قاپلىماق؛ ئىگىلىمەك، ھەممە يېرىگە تارالماق، بىر كەلمەك.

بىر باشتىن

  • بىر باشتىن[يەشمىسى:] ① باشلىنىدىغان جايىدىن:[مىسال:] تەھرىر ئالدىغا تىزىلغان ماقالىلارنى بىر باشتىن كۆرۈپ تۈزىتىشكە كىرىشتى.[يەشمىسى:] ② بىر تەرەپتىن، بىر ياقتىن، تەرتىپى بىلەن:[مىسال:] ئاپتوبۇس ئالدىغا توپلانغانلار بىر باشتىن كىرىشكە باشلىدى.

بىر پەللە

  • بىر پەللە[يەشمىسى:] ① بىر دەرىجە، بىر بالداق:[مىسال:] بىر پەللە كۆتۈرۈلمەك.[يەشمىسى:] ② مەلۇم بىر ۋاقىت، بىر مەھەل، بىر مەزگىل:[مىسال:] بۇ بىر پەللە شۇنداق ئوينىغاندىن كېيىن ئات مىنىشتىنمۇ زېرىكىپ، ۋاڭنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.

بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىماق

  • بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىماق[يەشمىسى:] ئۆلۈمى يېقىنلىشىپ قالماق، ئۆمرى ئاز قالماق، قېرىماق.

بىر تۇغقان

  • بىر تۇغقان[يەشمىسى:] بىر ئاتا ياكى ئانىدىن تۇغۇلغانلار، قېرىنداش.

بىر تۆشۈككە سىيمەك

  • بىر تۆشۈككە سىيمەك[يەشمىسى:] ھەممە ئىش-ھەرىكىتى بىر بولماق.

بىر تۈركۈم

  • بىر تۈركۈم[يەشمىسى:] مەلۇم ساندا، خېلى كۆپ.

بىر تىيىن

  • بىر تىيىن[يەشمىسى:] قىممىتى يوق، ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدىغان، ئەرزىمەس:[مىسال:] بىر تىيىن بولماق، بىر تىيىن قىلماق.

بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى

  • بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى[يەشمىسى:] يامان، بۇزۇق ئىشلارنى قىلىشتا، نىيىتى، مەقسىتى، ھەرىكىتى بىر؛ ھەمشېرىك:[مىسال:] بۇ خۇنپەر بىلەن مەخسۇت بەگ بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى.

بىر چىشلەم

  • بىر چىشلەم[يەشمىسى:] ئاز، ئازراق، بىزە، كىچىك، كىچىككىنە:[مىسال:] تەكشۈرۈپ كۆرسەك ئۇلارنىڭ بىر چىشلەممۇ ئوزۇقى قالماپتۇ.

بىر چىمدىم

  • بىر چىمدىم[يەشمىسى:] ئاز، كىچىككىنە:[مىسال:] ئابلىز: ئۆيدە چۈشلۈك تاماققا بىر چىمدىممۇ ئۇن قالماپتۇ ئۇن ئەكىلىۋالسام، دەپ سوراپ چىقىپ كەتتى.

بىر دۆۋە

  • بىر دۆۋە[يەشمىسى:] خېلى كۆپ، نۇرغۇن:[مىسال:] ئۇنىڭ ئالدىدا بىر دۆۋە خەت-چەكلەر تۇراتتى.

بىر كەلمەك

  • بىر كەلمەك[يەشمىسى:] توشماق؛ تولماق، قاپلىماق؛ تارالماق:[مىسال:] كاۋا پېلىكى يېيىلىپ چوڭ ئېتىزغا بىر كەپتۇ.

بىر ئىشتاننى ئارتۇق يىرتقان

  • بىر ئىشتاننى ئارتۇق يىرتقان[يەشمىسى:] ياشتا چوڭ، كۆپنى كۆرگەن:[مىسال:] مەن ساڭا قارىغاندا بىر ئىشتاننى ئارتۇق يىرتقان.

بىرئاز

  • بىرئاز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+ئاز[[يەشمىسى:] كۆپ ئەمەس، ئازراق:[مىسال:] بىرئاز سەۋر قىلىڭ.

بىراق

  • بىراق[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] تەڭداش جۈملىلەرنى قارىمۇ قارشى مۇناسىۋەتتە باغلاپ، ئالدىنقى جۈملىدىكى ئۇقۇمغا نىسبەتەن كېيىنكى جۈملىدىكى ئۇقۇمدا بولىدىغان بۇرۇلۇشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] شۇ پەيتتە ئىسھاق پىلىموتنى كۆتۈرۈپ ئۇچقاندەك يۈگۈردى، بىراق تۈتەكلەر ئارىسىدىن ئۇچۇپ كەلگەن ئوقلار ئۇنى بىردىنلا توختىتىپ قويدى.

بىراقلا

  • بىراقلا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① بىرلا ۋاقىتتا، بىردىنلا، بىريولى:[مىسال:] ئەزىزنىڭ ئامىتى كەلدى. ئۇ ئاددىي كادىرلىقتىن بىراقلا نازىرلىققا كۆتۈرۈلدى.[يەشمىسى:] ② بىريولى، پۈتۈنلەي، ھەممىسى:[يەشمىسى:] تۇڭدىكى ماي بىراقلا تۆكۈلۈپ كەتتى.

بىراۋ

  • بىراۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] كىمدۇر بىر كىشى، مەلۇم بىر ئادەم، ئاللىكىم، ئۆزگە:[مىسال:] بىراۋغا قىلغان ياخشىلىقمۇ، يامانلىقمۇ ئوڭاي ئۇنتۇلمايدۇ.

بىرە-بىرە

  • بىرە-بىرە[يەشمىسى:] ئاندا-ساندا، ناگان-ناگاندا، ئارىلاپ-ئارىلاپ، گاھىدا:[مىسال:] يولۇچىلار بىرە-بىرە كېلىپ، قاراپ قويۇپلا كېتىپ قالاتتى.

بىرە-تولا

  • بىرە-تولا[يەشمىسى:] بەك كۆپ ئەمەس، ئەمما بىرە-بىرەدىن كۆپرەك، گاھى-گاھى، بەزى-بەزى، ئارىلاپ-ئارىلاپ.

بىرەر

  • بىرەر[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] قانداقتۇر بىر، ھەر ھالدا بىر:[مىسال:] بىرەر نۆۋەت. بىرەر ئىش.

بىرەرى

  • بىرەرى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ① قانداقتۇر بىركىم، بىرەر كىشى، بىركىم، بىرى:[مىسال:] ئىشخانىدا بىرەرى بارمۇ[يەشمىسى:] ② قانداقتۇر بىر نەرسە، قانداقتۇر بىرەر ئىش، بىرەر ھەرىكەت:[مىسال:] بۇ دۇكاندىن مەن ئالىدىغان نەرسىلەرنىڭ بىرەرىمۇ تېپىلمىدى.

بىرەر-يېرىم

  • بىرەر-يېرىم[يەشمىسى:] بىر ۋە بىر ئەتراپدا، بىردىن ئاشمىغان:[مىسال:] ئۇكام، بازارغا بارساڭ بىرەر-يېرىم قوغۇن ئالغاچ كەلسەڭ.

بىرە-سىرە

  • بىرە-سىرە[يەشمىسى:] «بىرە-بىرە»گە قاراڭ:[مىسال:] ئۇ بىرە-سىرە كېلىپ تۇرىدۇ.

بىرەن-سىرەن

  • بىرەن-سىرەن[يەشمىسى:] «بىرە-بىرە»گە قاراڭ.

بىرەھىم

  • بىرەھىم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] رەھىمسىز:[مىسال:] ھوي بىرەھىم، قىلغۇلۇقنى قىلىپ يەنە كۈلىسەنغۇ

بىرەھىملىك

  • بىرەھىملىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «رەھىمسىزلىك»كە قاراڭ.

بىرەيلەن

  • بىرەيلەن[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] بىر ئادەم، بىر كىشى:[مىسال:] ئىشىك تۇيۇقسىز ئېچىلىپ بېرەيلەن چىقىپ كەتتى.

بىربولسا

  • بىربولسا[قۇرۇلمىسى:]]بىر+بولسا[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] «ئېھتىمال، بەلكى» دېگەن مەنىدە قىستۇرما سۆز رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] بىر بولسا، ھازىر بېيجىڭنىڭ پويىزى كېتىپ بولدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] تەكرارلىنىپ كېلىپ «يا، ياكى» دېگەن مەنىدە تاللاش باغلىغۇچىسى رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] ئۇ بىر بولسا ئامباردا بار، بىربولسا خامانغا كەتتى.

بىر-بىر

  • بىر-بىر[يەشمىسى:] ئۆز تەرتىپى بىلەن، بىرمۇبىر، بىر-بىرلەپ:[مىسال:] قېنى مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى بىر-بىر تەكرارلاپ كۆرۈڭ

بىر-بىردىن

  • بىر-بىردىن[يەشمىسى:] بىردىن-بىردىن، بىر-بىرلەپ.

بىر-بىرلەپ

  • بىر-بىرلەپ[يەشمىسى:] ① بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى، ئارقا-ئارقىدىن:[مىسال:] مەن دوستلىرىم بىلەن بىر-بىرلەپ قۇچاقلاشتىم.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەپسىلىي، ئىنچىكە:[مىسال:] مەختۇمسۇلا ھەممىنى بىر-بىرلەپ ئېيتىپ بېرىپتۇ.

بىر-بىرىدىن

  • بىر-بىرىدىن[يەشمىسى:] بىرى يەنە بىرىدىن، بىرى ئىككىنچىسىدىن:[مىسال:] ئۇلار ئاشۇنداق ئادەتتىكى گەپلەر بىلەن بىر-بىرىدىن ھال سوراشتى.

بىر-بىرىگە

  • بىر-بىرىگە[يەشمىسى:] بىرى يەنە بىرىگە، بىرى ئىككىنچىسىگە؛ ئۆزئارا:[مىسال:] سابىر بىلەن زەيتۇنەم بىر-بىرىگە بېقىپ ئولتۇرۇشتى.

بىر-بىرىنى

  • بىر-بىرىنى[يەشمىسى:] بىرى يەنە بىرىنى، بىرى ئىككىنچىسىنى:[مىسال:] بالىلار بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۇزاق ئوينىغاندىن كېيىن ئۆيلىرىگە تارقاشتى.

بىرپەس

  • بىرپەس[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+پەس[[يەشمىسى:] بىردەم، بىرئاز:[مىسال:] ئۇلار بىرپەس خىزمەت ئۈستىدە نېرى-بېرى پاراڭلاشتى.

بىرتالاي

  • بىرتالاي[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+تالاي[[يەشمىسى:] ناھايىتى كۆپ، نۇرغۇن، سان-مىقدار جەھەتتىن كۆپ.

بىرتە-يېرىمتە

  • بىرتە-يېرىمتە[يەشمىسى:] ئازراق، بىرئاز؛ بەك ئاز.

بىرتوقاي

  • بىرتوقاي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+توقاي[[يەشمىسى:] بىرتالاي، بىرمۇنچە، نۇرغۇن، تولا:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا بىرتوقاي بالىلار ئولىشىۋالغانىدى.

بىرتۇرۇپ

  • بىرتۇرۇپ[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+تۇرۇپ[[يەشمىسى:] «بىردەم»، «گاھىدا» دېگەن مەنىدە ئايرىغۇچى باغلىغۇچى رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] شۇ كۈنى ھاۋا بىر تۇرۇپ ئېچىلسا، بىرتۇرۇپ تۇتۇلاتتى.

بىرتۈرلۈك

  • بىرتۈرلۈك[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+تۈرلۈك[[يەشمىسى:] باشقىچە، غەلىتە، ئاجايىپ:[مىسال:] بۈگۈن مىجەزىم بىرتۈرلۈك بولۇۋاتىدۇ، بېرىپ بىردەم ئارام ئالاي.

بىردە

  • بىردە[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] بىردەم، بىرتۇرۇپ، بەزىدە:[مىسال:] ئۇ غەزىپىنى بېسىش ئۈچۈن بىردە شاڭيۇنى، بىردە چېرىكلەرنى تىللىدى.

بىردەك

  • بىردەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىر خىلدا، ئوخشاش، تەكشى، باراۋەر:[مىسال:] مەيلى ياشانغانلار ۋە ياكى كىچىكلەرگە بولسۇن بىردەك مۇئامىلە قىلىش لازىم.[يەشمىسى:] ② بىرنەرسىدەك، مەھكەم:[مىسال:] ھەر مىللەت خەلقى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

بىردەكلىك

  • بىردەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باراۋەرلىك؛ مۇستەھكەملىك:[مىسال:] ئاھاڭ شەكلىنىڭ بىردەكلىكى. ئىرادىنىڭ بىردەكلىكى.

بىردەم

  • بىردەم[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+دەم[[يەشمىسى:] ① بىرپەس، بىرئاز:[مىسال:] دادام ماڭا قاراپ بىردەم ئۈنسىز تۇردى.[يەشمىسى:] ② تەكرارلىنىپ كېلىپ «بەزىدە، گاھىدا» دېگەن مەنىدە ئايرىغۇچى باغلىغۇچى رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] دۈشمەنلەر بالىنى بىردەم ئۇرۇپ، بىردەم قورقۇتۇپ ئەكەلدى.

بىردەملىك

  • بىردەملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىردەم بولىدىغان:[مىسال:] تۇغۇتتىن كېيىن بىردەملىك ئۇيقۇغا كەتكەن ھەبىبە ئويغىنىپ كۆزىنى ئاچتى.

بىردەم-يېرىمدەم

  • بىردەم-يېرىمدەم[يەشمىسى:] بىردەملىككە، قىسقا بىر ۋاقىت، بىرپەس:[مىسال:] ئۇ ئىشتىن بۇرۇنراق قايتقان كۈنلىرى بالىلىرى بىلەن بىردەم-يېرىمدەم بىللە بولالايتتى.

بىردىن

  • بىردىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تاسادىپىي، ئۇشتۇمتۇت، توساتتىن، تۇيۇقسىز، كۈتۈلمىگەندە:[مىسال:] جامائەت بىردىن كەينىگە بۇرۇلۇپ ئاسىمنى كۆردى.

بىردىنبىر

  • بىردىنبىر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+دىن+بىر[[يەشمىسى:] بىرگىنە، يالغۇز، مۇھىم، پەقەت بىرلا:[مىسال:] بىردىنبىر چارە.

بىردىنلا

  • بىردىنلا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] توساتتىن، ئۇشتۇمتۇت، تۇيۇقسىز، تاسادىپىي:[مىسال:] ھاۋا بىردىنلا ئۆزگىرىپ كەتتى.

بىرر

  • بىرر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېفىئوپىيىنىڭ پۇل بىرلىكى.

بىرقانچە

  • بىرقانچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+قانچە[[يەشمىسى:] بىردىن ئارتۇق، بەلگىلىك مىقداردا:[مىسال:] بىز بىرقانچە ئادەم بىرگە بازارغا باردۇق.

بىرقانداق

  • بىرقانداق[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+قانداق[[يەشمىسى:] قانداقتۇر بىر يوسۇندا، قانداقتۇر بىر خىلدا، قانداقتۇر بىرھالەتتە:[مىسال:] سەن ئاپتوبۇسقا چىققاندا بىرقانداق بولمىغانسەن

بىرقايسى

  • بىرقايسى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+قايسى[[يەشمىسى:] كىملىكى نامەلۇم، قانداقتۇر بىر، قايسىبىر:[مىسال:] مامۇتئاخۇن قىزىغا:[مىسال:] بىرقايسىسى مېنى ئىزدەپ كېلىپ قالسا «ھازىر كېلىدۇ» دەڭ، دەپ چىقىپ كەتتى.

بىرقەدەر

  • بىرقەدەر[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.]بىر+قەدەر[[يەشمىسى:] مەلۇم دەرىجىدە، خېلى:[مىسال:] يېقىندىن بۇيان ئۇ كىشىلەرنىڭ بىرقەدەر ياخشى باھاسىغا ئېرىشمەكتە.

بىرقۇر

  • بىرقۇر[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:] ]بىر+قۇر[[يەشمىسى:] بىر قېتىم، بىر باشتىن:[مىسال:] موللام قولىدىكى كىتابنى بىرقۇر ۋاراقلاپ چىقتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر يۈرۈش، بىر پار (كىيىم-كېچەك ھەققىدە):[مىسال:] مەن ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى بىرقۇر كىيىم تىككۈزدۈم.

بىرقىسما

  • بىرقىسما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+قىسما[[يەشمىسى:] بىر تۈرلۈك، باشقىچە، نورمالسىز، غەيرىي:[مىسال:] ھويلا ئىچىدىن ئايال كىشىنىڭ غۇدۇراپ چالۋاقىغان بىرقىسما ئاۋازى ئاڭلاندى.

بىركەم

  • بىركەم[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+كەم[[يەشمىسى:] بىر ۋاقىت، بىر چاغ، بىرمەزگىل:[مىسال:] لۇتپۇللا يەنە خاتىرە يېزىشقا كىرىشىپ، خېلى بىركەم بولغاندا ئاندىن ئۇخلىدى.

بىركىم

  • بىركىم[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+كىم[[يەشمىسى:] نامەلۇم بىر كىشى، كىمدۇ بىرى:[مىسال:] بىرىنى بىركىم بېرەر، كۆپنى ئەمگەك بېرەر (ماقال).

بىرگە

  • بىرگە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① بىر بولۇپ، بىرلىشىپ، قوشۇلۇپ، بىللە، بىرلىكتە:[مىسال:] بىز بىرگە ئوقۇدۇق، بىرگە خىزمەت قىلدۇق، بۇ جەرياندا تېخىچە مېنى چۈشىنىپ بولمىغانمىدىڭ[يەشمىسى:] ② «بىلەن» سۆزى بىلەن كېلىپ «بىر قاتاردا» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ:[مىسال:] بەدەننى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش بىلەن بىرگە تەنھەرىكەت بىلەنمۇ داۋاملىق شۇغۇللىنىش كېرەك.

بىرلە

  • بىرلە[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] بىلەن، ئارقىلىق:[مىسال:] ئوخشىسىمۇ گەر سىياقىغا دەرەخنىڭ پارچىسى، ئول ئېسىل خىسلەتلىرى بىرلە دەرەخنىڭ تاجىسى.

بىرلەپ

  • بىرلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىرنى بىرلىك قىلىپ، بىردىن.

بىرلەپ-ئىككىلەپ

  • بىرلەپ-ئىككىلەپ[يەشمىسى:] بىرلەپ ۋە ئىككىلەپ، گاھىدا بىردىن، گاھىدا ئىككىدىن، بىر-ئىككىدىن بولۇپ:[مىسال:] مېھمانلار ئەمدى بىرلەپ-ئىككىلەپ كېلىشكە باشلىدى.

بىرلەر

  • بىرلەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] سانلارنىڭ ئونلۇق سىستېما بويىچە يېزىلىشىدىكى بىرىنچى خانىدىكى رەقەم:[مىسال:] بىرلەر خانىسى.

بىرلەشتۈرمەك

  • بىرلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «بىرلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بىرلەشتۈرۈلمەك

  • بىرلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «بىرلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ناھىيىدىن كۆچەت تىكىش بىلەن پەرۋىش قىلىش، باشقۇرۇش ئىشلىرى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى

  • بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى[يەشمىسى:] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1945-يىلى قۇرۇلغان خەلقئارا تەشكىلات، قىسقارتىلىپ «ب د ت» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ باش ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە. ئۇنىڭ مەقسىتى خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى قوغداپ، خەلقئارا دوستانە مۇناسىۋەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇش؛ ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

بىرلەشمە

  • بىرلەشمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرقانچە تەرەپ ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن، بىرلىكتە ماسلىشىپ ئېلىپ بارغان:[مىسال:] بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرلىشىش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى ئۇيۇشما:[مىسال:] ئاياللار بىرلەشمىسى.

بىرلەشمەك

  • بىرلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۆزئارا تۇتاشماق، ئۇلانماق، بىر-بىرىگە تېگىشمەك:[مىسال:] ئاستا-ئاستا ئىككى گەۋدە بىرلەشتى.[يەشمىسى:] ② بىر-بىرىگە قوشۇلماق، ئۇيۇشماق:[مىسال:] بىر ئېيىق بىلەن بىر دېھقان ئاغىنە ئىكەن. ئۇلار بىر يىلى بىرلىشىپ ياڭيۇ تېرىپتۇ.

بىرلەمچى

  • بىرلەمچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] بىرەر جەريان ياكى ھادىسىدە بىرىنچى ئورۇننى تۇتقان، ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان:[مىسال:] ماددا بىرلەمچى، چۈنكى ئۇ تۇيغۇ، تەسەۋۋۇر ۋە ئاڭنىڭ مەنبەسى.

بىرلەن

  • بىرلەن[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] بىلەن، ئارقىلىق.

بىرلىك

  • بىرلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق:[مىسال:] ئىرادە بىرلىكى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپچىلىككە تەئەللۇق بولغان، ئومۇمىيلىققا ئىگە:[مىسال:] بىرلىك سەپ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەيئىلەرنى ئۆلچەشتە ئۆلچەم قىلىۋېلىنغان مىقدار:[مىسال:] ئۆلچەم بىرلىكى ∥ بىرلىك مەھسۇلات.

بىرلىكتە

  • بىرلىكتە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىللە، بىر بولۇپ، قوشۇلۇپ:[مىسال:] غۇلام ئۆي ئىگىسى بىلەن بىرلىكتە قوي سويۇۋاتاتتى.

بىرمەھەل

  • بىرمەھەل[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+مەھەل[[يەشمىسى:] مەلۇم بىر چەكلىك پەيت، ۋاقىت، چاغ؛ مەزگىل:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە چوڭ بولغان، بىرمەھەل ئۇنى ناھايىتى ھۆرمەت قىلغانىدىم.

بىرمەھەللىك

  • بىرمەھەللىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر مەزگىللىك، بىر مەھەل داۋاملىشىدىغان ياكى بولىدىغان:[مىسال:] بىرمەھەللىك ھەرىكەت. بىرمەھەللىك قىزغىنلىق.

بىرمۇبىر

  • بىرمۇبىر[يەشمىسى:] ① ئۆز رەت-تەرتىپى بىلەن؛ بىرىدىن كېيىن يەنە بىرى:[مىسال:] مەن ئۇنىڭغا بولغان ئەھۋالنى بىرمۇبىر سۆزلەپ بەردىم.[يەشمىسى:] ② ھەربىرىنى، ئالاھىدە، ئايرىم، بىر-بىرلەپ:[مىسال:] رەقىب بىزنى ئۇنىڭغا بىرمۇبىر تونۇشتۇردى.

بىرمۇنچە

  • بىرمۇنچە[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+مۇنچە[[يەشمىسى:] ① بىرنەچچە، بىرقانچە:[مىسال:] بىرمۇنچە ۋاقىت.[يەشمىسى:] ② مەلۇم مىقداردا، بەلگىلىك ساندا، مەلۇم دەرىجىدە، خېلى، جىق:[مىسال:] ئۇ يېنىغا قارىۋىدى، بىرمۇنچە دۈشمەننىڭ قېچىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

بىرنەچچە

  • بىرنەچچە[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+نەچچە[[يەشمىسى:] قانچە ئىكەنلىكى نامەلۇم، بىردىن كۆپ، ئاز بولمىغان:[مىسال:] ئالماسنىڭ قۇلىقىنىڭ تۈۋىدىن يەنە بىرنەچچە پاي ئوق ئۇچۇپ ئۆتۈپ كەتتى.

بىرنەرسە

  • بىرنەرسە[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+نەرسە[[يەشمىسى:] ① مۇئەييەن شەيئى، ياكى قانداقتۇر سادىر بولغان مەلۇم بىر ھادىسە، ۋەقە، ئىش:[مىسال:] كۆزۈمگە بىر نەرسە كۆرۈندى.[يەشمىسى:] ② مۇئەييەن بىر پىكىر، قاراش، گەپ سۆز:[مىسال:] ئوغلۇم داداڭ ساڭا بىرنەرسە دېدىمۇ[يەشمىسى:] ③ كىشىلەرگە قارىتىپ ئېيتىلىغاندا كەمسىتىشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] قانداق بىرنەرسە بۇ، خەقنىڭ ئۆيىگە ئىشىكنى چەكمەي كالىدەك كىرىپ كەلگىنىنى خاپا بولدى نىساخان ئاچا ئۆيگە كىرگەن كىشىگە چىرايمۇ ئاچماي غۇدۇراپ.

بىرنۆرى

  • بىرنۆرى[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+نۆرى[[يەشمىسى:] مەيلى، تۇرۇپ تۇرسۇن:[مىسال:] ئېيتىڭا، ماڭا ئوخشاش ئولتۇرسا-قوپسا دۈينىڭ پايدىسىنى كۆزلەيدىغان ئادەمنى يولدىن ئازدىڭ دېسە قاملىشامدۇ، باشقىسىمۇ بىرنۆرى، مېنىڭ ھار ئالغىنىم ئەبىلغازىنىڭ مۇشۇ سۆزى.

بىرنېمە

  • بىرنېمە[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+نېمە[[يەشمىسى:] «بىرنەرسە»گە قاراڭ:[مىسال:] ئاپا-ئاپا، دەپ يۈگۈرۈپ كىردى غەيرەت، كۆزۈمگە بىرنېمە كىرىپ كەتتى.

بىرنېمە بولار

  • بىرنېمە بولار[يەشمىسى:] يا ئۇنداق، يا مۇنداق نەتىجىسى چىقار؛ خۇلاسىلىنار:[مىسال:] ئانچە ئەنسىرەپ كەتمە، ئاخىرى بىرنېمە بولار.

بىرھازا

  • بىرھازا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+ھازا[[يەشمىسى:] خېلى بىر ۋاقىت، خېلى ئۇزاق ۋاقىت:[مىسال:] توختى پۇلنى قولىغا ئېلىپ ئۇنىڭغا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن سانىمايلا يېنىغا سېلىپ قويدى.

بىرھازالىق

  • بىرھازالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خېلى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشقان، ئۇزاق ۋاقىت سوزۇلغان:[مىسال:] بىرھازالىق نەغمە-ناۋادىن كېيىن يىگىتۋېشى ناسىرنىڭ يېنىغا كەلدى.

بىرھالدا

  • بىرھالدا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+ھال+دا[[يەشمىسى:] بىر خىل رەۋىشتە، ئوخشاش ھالەتتە.

بىرئۇچقاش

  • بىرئۇچقاش[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+ئۇچقاش[[يەشمىسى:] بىرتۇتاش، بىر يولى، ئۈزۈلدۈرمەي:[مىسال:] بۇ ئىشنى بىر ئۇچقاش قىلىۋېتەيلى.

بىرۋاراقى

  • بىرۋاراقى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+ۋاراق+ى[[يەشمىسى:] قەدەممۇقەدەم، بىر-بىرلەپ، پەيدىنپەي، بارا-بارا، تەدرىجىي:[مىسال:] بىرۋاراقى ئىشلەپ تۆگىتىمەن.

بىرىتىۋا

  • بىرىتىۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ساقال ئالغۇچقا بېكىتىدىغان يۇپقا مېتال پىچاق، تىغ.

بىرىكتۈرگۈچى

  • بىرىكتۈرگۈچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرىكتۈرىدىغان، بىرىكتۈرۈش رولىغا ئىگە:[مىسال:] بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما.

بىرىكتۈرگۈچىلىك

  • بىرىكتۈرگۈچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرىكتۈرگۈچىگە خاس خۇسۇسىيەت ۋە خاراكتېر.

بىرىكتۈرمە

  • بىرىكتۈرمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرىكتۈرۈلگەن، بىرىككەن، بىرلەشتۈرۈلگەن:[مىسال:] بىرىكتۈرمە تەكرار ئايرىش نومۇرى.

بىرىكتۈرمەك

  • بىرىكتۈرمەك[يەشمىسى:] «بىرىكمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بىرىكتۈرۈلمەك

  • بىرىكتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «بىرىكتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بىرىككەن

  • بىرىككەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزئارا قوشۇلغان، بىرلىشىپ كەتكەن:[مىسال:] بىرىككەن خۇلاسە.

بىرىككەن سۆز

  • بىرىككەن سۆز[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزدىن بىرىكىپ بىرلا ئوقۇمنى ئىپادىلەيدىغان ياسالما سۆز.

بىرىكمە

  • بىرىكمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەلگىلىك نىسبەتتە ئۆزئارا قوشۇلۇش ۋە ئارىلىشىش بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئارىلاشما.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرىككەن:[مىسال:] بىرىكمە ئوغۇت.

بىرىكمەك

  • بىرىكمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزئارا قوشۇلماق، بىرلەشمەك.

بىرىكىشمەك

  • بىرىكىشمەك[يەشمىسى:] «بىرىكمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بىرىنچى

  • بىرىنچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] بىرىنچى نومۇرلۇق:[مىسال:] بىرىنچى سىنىپ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان، ئەڭ ئالدىنقى:[مىسال:] ئۆزىنى ماختىغان بىرىنچى ئەخمەق، خوتۇنىنى ماختىغان ئىككىنچى ئەخمەق (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] باشتىن كەچۈرۈلمىگەن، كۆرۈلمىگەن؛ ھاياتىدا ئەمدى بىرلا قېتىم يۈز بەرگەن، سادىر بولغان:[مىسال:] بۇ مېنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا بىرىنچى قېتىم دەرس ئۆتۈپ بېقىشىم ئىدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەممىدىن ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان، ئەڭ ماھىر، ئىلغار، ئەلا، پېشقەدەم:[مىسال:] بۇ يىلقى مۇسابىقىمىزدە قوماندانىمىز ساۋۇت بىرىنچى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەممىدىن زۆرۈر، ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان، ئەڭ مۇھىم، ئاساسىي؛ باش:[مىسال:] بۇ يەردىكى بىرىنچى ۋەزىپە دەم ئېلىش، ئاندىن قالسا ئۆگىنىش.

بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە

  • بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] دەرىجىسى بىر بولغان ئالگېبرالىق تەڭلىمە.

بىرىنچى قول

  • بىرىنچى قول[يەشمىسى:] ① رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقانلار ئىچىدىكى ئاساسىي مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كىشى، بىرىنچى باشلىق:[مىسال:] ئۇ كادىرلار باشقارمىسىنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى ئىدى.[يەشمىسى:] ② دەسلەپ قولغا كەلتۈرگەن، دەسلەپ ئىگە بولغان:[مىسال:] بىرىنچى قول ماتېرىيال.

بىرىنچىدىن

  • بىرىنچىدىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] گەپ-سۆزدە ساناپ ئۆتۈلىدىغان شەيئى، ۋەقە، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسىنى كۆرسىتىشتە قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرىنچىدىن مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

بىرىنچىلىك

  • بىرىنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۈپەت، خۇسۇسىيەت، ماھارەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەڭ ئۈستۈنلۈك، يۇقىرىلىق:[مىسال:] ئۇ دەرستە ۋە باشقا پائالىيەتلەردە سىنىپتا ھەمىشە بىرىنچىلىكنى تالىشاتتى.

بىريولى

  • بىريولى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+يول+ى[[يەشمىسى:] بىراقلا، بىر قېتىمدىلا:[مىسال:] ئۇ بىر يولىلا قېرىپ كەتكەندەك تۇراتتى.

بىز

  • بىز[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ① سۆزلىگۈچى ۋە ئۇ كۆزدە تۇتقان، بىرگە بولغان بىرقانچە كىشى:[مىسال:] بىز بۈگۈن بازارغا باردۇق.[يەشمىسى:] ② بىرىنچى شەخس «مەن» ئورنىدا ئىشلىتىلىپ كەمتەرلىك ياكى ماختىنىش مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] سىز بىلەن بىز ياخشىدۇققۇ ھاشىم ئاكا.

بىزار

  • بىزار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بەزگەن، تويغان، زېرىككەن:[مىسال:] بىكاردىن خۇدا بىزار (ماقال). ∥ ئاكا-ئۇكىنىڭ ئازارى بولسىمۇ، بىزارى يوق (ماقال).

بىزارلىق

  • بىزارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىزار بولغان، زېرىككەن ھالەت، كەيپىيات.

بىزە

  • بىزە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] بىرئاز، ئازراق:[مىسال:] بۈگۈن بىزە ئىشىم بار.

بىزەڭ

  • بىزەڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈزى قېلىن، ئىزا تارتمايدىغان، ئۇياتمايدىغان:[مىسال:] ئۇ بىزەڭنى كۆرىدىغان كۆزۈم يوق.

بىزەڭلەشتۈرمەك

  • بىزەڭلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «بىزەڭلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بىزەڭلەشمەك

  • بىزەڭلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يۈزى قېلىنلىق قىلماق؛ ئۇياتمايدىغان، ئىزا تارتمايدىغان بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] بالىنى تىللاۋەرسە، بىزەڭلىشىپ گەپ ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

بىزەڭلىك

  • بىزەڭلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۈزى قېلىنلىق:[مىسال:] بىزەڭلىك قىلىۋاتىسەنغۇ ھارامزادە، كۆتۈر قاسقىنىڭنى

بىزەۋتە

  • بىزەۋتە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] بىئارام، تەشۋىشلىك، بىسەرەمجان:[مىسال:] بىزەۋتە بولماق. بىزەۋتە قىلماق.

بىزمان

  • بىزمان[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]بىر+ئاز+زامان[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتىن سەل كېيىن، بىر ئازدىن كېيىن، كېيىنرەك:[مىسال:] بىز بىزمان بارىمىز. * بىزمان ئۇلار كېلىدۇ.

بىزمانلىققا

  • بىزمانلىققا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتىن كېيىنكى ئۇزىمىغان ۋاقىت ئىچىدە:[مىسال:] بىزمانلىققا ئۆيگە مېھمان كېلىدۇ.

بىزىر

  • بىزىر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىرئاز، سەل.

بىس

  • بىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىغلىق ئەسۋابلارنىڭ ئۆتكۈر قىرى.

بىسات

  • بىسات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۆي سەرەمجانلىرى:[مىسال:] ئۇلار قاتتىق قىشتا ئۆي بىساتى بېسىلغان ئۈستى ئوچۇق ماشىنىغا ئولتۇرۇپ كەلگەنىدى.[يەشمىسى:] ② كىشىدە بولغان ھەممە نەرسە، بايلىق:[مىسال:] مېنىڭ بارلىق بىساتىم مانا مۇشۇ بىر ساندۇق كىتاب.

بىساتسىز

  • بىساتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىسات سېلىنمىغان، بىساتى يوق.

بىساتلانماق

  • بىساتلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۈرلۈك سەرەمجانلار بىلەن بېزەلمەك، جابدۇلماق:[مىسال:] مۆمىنئاخۇننىڭ ئىككى دېرىزىلىك پاكىز، ئاددىي بىساتلانغان ئۆيى بار ئىدى.

بىساتلىق

  • بىساتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىساتى بار، بىسات سېلىنغان.

بىساتلىققا

  • بىساتلىققا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن، بىردەمدىن كېيىن.

بىسەرەمجان

  • بىسەرەمجان[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① سەرەمجانلاشتۇرۇلمىغان؛ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تەرتىپسىز، رەتسىز:[مىسال:] ئۆي ئىچى تولىمۇ بىسەرەمجانىدى.[يەشمىسى:] ② بىئارام، تەشۋىشلىك، خاتىرجەم ئەمەس:[مىسال:] بىسەرەمجان بولماق. بىسەرەمجان قىلماق. * سىز مۇنداق يىغلىسىڭىز، ئۇنىڭ كۆڭلى بىسەرەمجان بولۇپ كېتىدۇ.

بىسەرەمجانلىق

  • بىسەرەمجانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىسەرەمجان بولۇش، بىسەرەمجان ھالەت:[مىسال:] ئۇ پاخال ئۈستىدە بىسەرەمجانلىق بىلەن ئۇياقتىن، بۇ ياققا ئۆرىلەتتى.

بىستەر

  • بىستەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «سىزغۇچ»قا قاراڭ.

بىسسىز

  • بىسسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىسى يوق، بىس چىقىرىلمىغان:[مىسال:] بىسسىز پىچاق.

بىسلىق

  • بىسلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىسى بار، بىس چىقىرىلغان:[مىسال:] ئىككى بىسلىق قىلىچ. ئىككى بىسلىق خەنجەر.

بىسلاتماق

  • بىسلاتماق[يەشمىسى:] «بىسلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بىسلانماق

  • بىسلانماق[يەشمىسى:] «بىسلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بىسلىماق

  • بىسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىس چىقارماق، بىسلىق ھالەتكە كەلتۈرمەك:[يەشمىسى:] قىلىچنى بىسلىماق.

بىسمۇت

  • بىسمۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمىنت. بەلگىسى. (Bismuthum)B1 رەڭگى ئاق ياكى قىزغۇچ كېلىدۇ، يۇمشاق بولۇپ، كۆپىنچە ئارىلاشما ھالەتتە ئۇچرايدۇ، ساپلىقى تۆۋەن، قاتقاندا كۆپىيىدۇ. ئۇنىڭدىن ئاسان ئېرىمەيدىغان قېتىشمىلارنى ياساشقا بولىدۇ. ئۇنى بىخەتەرلىك سىمى، بىخەتەرلىك قاپقىقى ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

بىسمىللا

  • بىسمىللا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ ۋە ئومۇمەن كونا كىتاب، كونا خەت-چەك قاتارلىقلارنىڭ باشلىنىش فورمۇسى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىشقا كىرىشكەندە، خۇسۇسەن تاماق يېيىشتىن ئىلگىرى ئىشلىتىلىدىغان باشلىنىش سۆزى:[مىسال:] بوۋاي «بىسمىللا» دەپ يولغا چۈشتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشنىڭ باشلىنىشى، مۇقەددىمىسى:[مىسال:] تېخى سۆزۈمنىڭ بىسمىللاسىنى ئېيتماي تۇرۇپ، تېلېفون يەنە جىرىڭلاپ كەتتى.

بىسوراق

  • بىسوراق[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① رۇخسەت قىلماي؛ سورىماي، رۇخسەتسىز:[مىسال:] بىسوراق ئىش قىلماق.[يەشمىسى:] ② سوراق قىلىنماي، سورالماي؛ سوراقسىز:[مىسال:] بىسوراق قاماقتا ياتماق.

بىسيار

  • بىسيار[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] كۆپ، زور، تولا:[مىسال:]

  • ئاتام ئىدى بىزگە غەمخار،

  • ئانام يىغلاپ دائىم بىسيار،

  • ئاغام ئىدى ماھى رۇخسار،

  • تەقدىردىن كەلسە نەيلەردۇق.

بىشەكشىرىن

  • بىشەكشىرىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قوغۇننىڭ بىر تۈرى. بۇ خىل قوغۇننىڭ پوستى تالالىق، ئېتى قېلىن، سۇلۇق ھەم ناھايىتى تاتلىق بولىدۇ.

بىشەم

  • بىشەم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىزا تارتمايدىغان، بەتخۇي؛ قىلىقسىز:[مىسال:] يۇنۇس ئەسلىدىمۇ كالتە پەم، بىشەمرەك ئادەم ئىدى.

بىشەملىك

  • بىشەملىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىزا تارتماسلىق:[مىسال:] ئۇ بىشەملىك قىلىپ ھەمىمىزنى سەت قىلدى.

بىشۇ

  • بىشۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوي، ئۆچكە تېرىسىدىن ئىشلەنگەن، ئۆتۈك، مەسە قاتارلىق ئاياغ كىيىملىرىگە ئەستەر قىلىنىدىغان يۇپقا تېرە.

بىغەرەز

  • بىغەرەز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] غەرەز ئۇقمايدىغان، غەرەز بىلمەيدىغان، ئۇششۇق:[مىسال:] بىغەرەزدىن دوزاخ قېچىپتۇ (ماقال).

بىغەرەزلىك

  • بىغەرەزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غەرەز ئۇقماسلىق:[مىسال:] سىز بۇنداق بىغەرەزلىك قىلىۋەرمەڭ.

بىغەم

  • بىغەم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] غەمسىز:[مىسال:] بىغەم ئادەم.* ئۇ، بىغەم ئولتۇرۇپ تۆمۈر سىملارنى كېسىۋاتاتتى.

بىغەملىك

  • بىغەملىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غەمسىزلىك:[مىسال:] ھۇرۇنلۇق، بىغەملىك باشقىلارغا تايىنىۋېلىش ئادەم ئۈچۈن يامان ئىللەت.

بىغۇبار

  • بىغۇبار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] «غۇبارسىز»غا قاراڭ:[مىسال:]

  • بىلدىم ئەمدى، قەلبىڭلار ئىكەن سۈتتەك بىغۇبار.

  • ۋەتەن ئىشقى، ئەل مېھرى، ئىكەن ئاڭا ھەمراھ-يار.

بىقارار

  • بىقارار[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر خىل تۇرمايدىغان، تۇراقسىز، ئۆزگىرىشچان:[مىسال:] ئۇ پۈتۈنلەي بىقارار بىر ھالەتتە ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىر قارار، بىر پىكىرگە كېلەلمىگەن؛ قارارسىز، ئىككىلەنگەن:[مىسال:] ئۇ تېخى بۇ ئىشتا بىقارار ئىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كۈتۈپ تۇرالمايدىغان، ئىنتىزار، بىتاقەت:[مىسال:] بۇ يىگىت مەلىكىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرمەستىن ئاشىق بىقارار بولغانىكەن.

بىقارارلىق

  • بىقارارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىقارار ھالەت:[مىسال:] قادىرنىڭ كۆڭلى بىقارارلىق بىلەن داۋالغۇپ تۇراتتى.

بىقسىتماق

  • بىقسىتماق[يەشمىسى:] «بىقسىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بىقسىق

  • بىقسىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۇرىغان، بىقسىغان، سېسىغان:[مىسال:] ئۆينىڭ ھاۋاسى نېمىدېگەن بىقسىق، دېرىزىنى ئېچىۋېتەيلى.

بىقسىماق

  • بىقسىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سېسىپ، ئېچىشقا باشلىماق، بەتبۇي پۇراق چىقارماق:[مىسال:] ھاۋاغا چاڭ-توزان، بىقسىغان بۇس ئۈلۈكسىز كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ.

بىقۇۋۋەت

  • بىقۇۋۋەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] «قۇۋۋەتسىز»گە قاراڭ:[مىسال:] شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنى ئاجىز، بىقۇۋۋەت ھېس قىلدى.

بىقىن

  • بىقىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] گەۋدىنىڭ قولتۇقتىن يانپاش سۆڭىكىگىچە بولغان ئوڭ ۋە سول يان تەرىپى:[مىسال:] ئوڭ بىقىن. سول بىقىن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ يان قىسمى، يان تەرىپى:[مىسال:] ئانا ئاپتوبۇس ئىشىكىنىڭ بىقىنىدا سىقىلىپ تۇرۇۋالدى.

بىقىنداتماق

  • بىقىنداتماق[يەشمىسى:] «بىقىندىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بىقىنداشماق

  • بىقىنداشماق[يەشمىسى:] «بىقىندىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىر-بىرى بىلەن تۇتۇشۇپ، بىقىندىشىپ ئويناۋاتقان بالىلار بىزنى كۆرۈپ نېمە ئۈچۈندۇر جىم بولۇپ قالدى.

بىقىندىماق

  • بىقىندىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىقىنىغا ئۇرماق، نوقۇماق؛ دېۋىتمەك:[مىسال:] ئۇ ئاتنى بىقىنداپ، يۈرۈشنى تېزلەتتى.

بىكار

  • بىكار[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشتىن خالىي، بوش، ئىشى يوق، ئىشسىز:[مىسال:] بىر بىكار ئوننى بىكار قىلىپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەھمىيەتسىز، پايدىسىز، كېرەكسىز:[مىسال:] بۇ يەرلەرنى ئاغدۇرۇشقا تراكتور دېگەن جانىۋاردىن باشقىسى بىكار-دە[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئورۇنسىز، سەۋەبسىز:[مىسال:] مەن ئەھۋالنى ھەقىقىي بىلگەندىن كېيىنلا، ئۇنى بىكار ئەيىبلىگەنلىكىمنى بىلدىم.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىگىلەنمىگەن، بوش، قۇرۇق:[مىسال:] شۇنچە چوڭ، ئازادە زالدا بىكار ئورۇندۇق كۆرۈنمەيتتى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھەقسىز، پۇلسىز؛ ئەجىرسىز («-غا، -قا، -گە، -كە:-دىن، -تىن» قوشۇمچىلىرى ئۇلىنىپ كېلىپ):[مىسال:] كىيىم بىكارغا كەلمەيدۇ، ئۇنى ئاسراپ، ئاياپ كىيىش كېرەك.

بىكارچى

  • بىكارچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىكار يۈرگۈچى؛ ئىشى يوق، بوش ئادەم:[مىسال:] بىر كۈنى ئەپەندىم بازاردىكى بىكارچىلارنىڭ سۆھبىتىگە قېتىلىپ قاپتۇ.

بىكارچىلىق

  • بىكارچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشتىن خالىيلىق، ئىشسىزلىق، ئىشى يوقلۇق، ئىشتىن قولى بوشلۇق:[مىسال:] سەلەي بولسا بىكارچىلىقتىن زېرىككەنىدى.

بىكاردىن-بىكار

  • بىكاردىن-بىكار[يەشمىسى:] ھېچبىر ئاساسسىز، سەۋەبسىز، ئورۇنسىز:[مىسال:] سىز نېمىشقا مېنى بىكاردىن-بىكار ئازابلايسىز

بىكارلاتماق

  • بىكارلاتماق[يەشمىسى:] «بىكارلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بىكارلاشماق

  • بىكارلاشماق[يەشمىسى:] «بىكارلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بىكارلانماق

  • بىكارلانماق[يەشمىسى:] «بىكارلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بىكارلىق

  • بىكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشسىزلىق، بىكارچىلىق:[مىسال:] ئۇ مېنىڭ بىكارلىقىمنى بىلەتتى.

بىكارلىماق

  • بىكارلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بوشاتماق، نەرسە-كېرەكتىن خالىي قىلماق، قۇرۇقدىماق:[مىسال:] ئەجدىھا سۈرەتلىك پىيالەڭنى نېمىگە بىكارلاپ قويدۇڭ.

بىكېرەك

  • بىكېرەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «كېرەكسىز»گە قاراڭ:[مىسال:] شۇنچە نەرسىنى بىكېرەك قىلىۋەتكەن چوڭ دادىسىغا ئەركىننىڭ ئۆچلۈكى كەلدى.

بىگانە

  • بىگانە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① يات، ناتونۇش:[مىسال:] نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىگانە كىشىنى ئۆيۈمگە يېقىن كەلتۈرۈسىلەر دەپ توۋلاپتۇ ئايخان.[يەشمىسى:] ② مۇساپىر؛ غېرىب:[مىسال:] يارنىڭ كويىدا مەن دىۋانە بولدۇم ئاقىۋەت، خەلق ئارىسىدىن چىقىپ بىگانە بولدۇم ئاقىۋەت.[يەشمىسى:] ③ ئايرىلغان، جۇدا بولغان:[مىسال:] ئانار يۈزۈڭگە، مەستانە بولدۇم، ئەقلى ھوشۇمدىن بىگانە بولدۇم...

بىگانىلىك

  • بىگانىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىگانە بولۇش، بىگانە ھالەت.

بىگۇمان

  • بىگۇمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] گۇمانسىز، ئىشەنچلىك:[مىسال:] بىگۇمان ئالغانىدىم تاتلىق مېغىز، ئارىدىن قالدى چىقىپ ئاچچىق مېغىز.

بىگۇناھ

  • بىگۇناھ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «گۇناھسىز»غا قاراڭ:[مىسال:] بىگۇناھ ئادەم.

بىگىز

  • بىگىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] موزدۇزچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان، مېتالدىن يېڭنىگە ئوخشاش ئۇچلۇق قىلىپ ياسالغان ياغاچ ساپلىق ئەسۋاب:[مىسال:] بىگىز سانجىماق.

بىگىزتۇمشۇق

  • بىگىزتۇمشۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بىگىز+تۇمشۇق[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] «چىغچىغىر»غا قاراڭ.

بىڭتۇەن

  • بىڭتۇەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئارمىيە ئىچىدىكى بىر دەرىجىلىك تەشكىل. ئۇ بىرقانچە كورپۇس ياكى دىۋىزىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىڭسى

  • بىڭسى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] كۈچ-قۇۋۋەت، ئىقتىدار، قابىلىيەت، كارامەت، ماھارەت، گۇمپا:[مىسال:] بىڭسىسى بار كىشى.

بىڭگۇر

  • بىڭگۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] بىر خىل سوغۇق يېمەكلىك. ئۇ سۇ، ئالما شەربىتى ۋە شېكەر قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ مۇزلىتىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ، ھەربىرىگە بىر تالدىن چوكا ياغاچ ئىشلىتىلىدۇ.

بىڭگۇرچى

  • بىڭگۇرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىڭگۇر سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئادەم.

بىڭگۇرچىلىق

  • بىڭگۇرچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىڭگۇر سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى:[مىسال:] ئايىمخان ئۆيىدە بىكار ئولتۇرغۇچە بىڭگۇرچىلىق قىلدى، چۈنكى ياز كۈنلىرى بىڭگۇرنىڭ بازىرى ئىتتىك ئىدى.

بىلەتمەك

  • بىلەتمەك[يەشمىسى:] «بىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] پىچاقنى بىلەتمەك.

بىلەر-بىلمەس

  • بىلەر-بىلمەس[يەشمىسى:] ئېنىق بىلمىگەن ھالدا، ئېنىق بىلمەستىن تۇرۇپ، نائېنىق:[مىسال:] بىلەر-بىلمەس گەپ قىلماق.

بىلەرمەن

  • بىلەرمەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ھەممە ئىشتىن خەۋەردار؛ كۆپنى بىلىدىغان؛ بىلىملىك؛ ئۇستا:[مىسال:] بىلەرمەن كىشى.[يەشمىسى:] ② ئۆزىنى بىلىملىك دەپ ھېسابلايدىغان؛ ھەممىنى بىلىدىغان قىلىپ كۆرسىتىدىغان:[مىسال:] بۇرۇنقى زاماندا بىر-بىرىدىن «بىلەرمەن» ئەر-خوتۇن بولغانىكەن.

بىلەرمەنلىك

  • بىلەرمەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزىنى بىلەرمەن ھېسابلاش:[مىسال:] بىلەرمەنلىك قىلماق.

بىلەزۈك

  • بىلەزۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بىلەك+ئۈزۈك[[يەشمىسى:] بىلەككە سالىدىغان ھالقا شەكلىدىكى زىننەت بۇيۇمى:[مىسال:] بىلەزۈك سالماق.

بىلەزۈكلۈك

  • بىلەزۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىلەزۈك تاقىغان، بىلەزۈك ئاسقان؛ بىلەزۈكى بار.[يەشمىسى:] ② بىلەزۈك ياساشقا تەييارلانغان ياكى بىلەزۈك ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان:[مىسال:] بىر بىلەزۈكلۈك ئالتۇن.

بىلەشمەك

  • بىلەشمەك[يەشمىسى:] «بىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلار ئورمىچىلارنىڭ ئورغاقلىرىنى بىلىشىپ بەردى.

بىلەك

  • بىلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قولنىڭ بېغىشىدىن جەينەككىچە بولغان قىسمى:[مىسال:] ئالتۇن بولسا كۈمۈش بولسا، سالسام بىلەككە، يىراقتىكى يارنىڭ ئوتى تەگدى يۈرەككە.[يەشمىسى:] ② قول:[مىسال:] بىلىكى يوغان بىرنى يېڭەر، بىلىمى يوغان مىڭنى (ماقال).

بىلەكلىكⅠ

  • بىلەكلىكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىلىكى بار؛ قوللۇق:[مىسال:] ئۇزۇن پاچاق، يوغان بىلەكلىك بىر ئادەم قېشىمغا كەلدى.

بىلەكلىكⅡ

  • بىلەكلىكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىلەپ قويۇلغان، بىلەنگەن:[مىسال:] بىلەكلىك پىچاق. بىلەكلىك ئورغاق.

بىلەن

  • بىلەن[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] ① ئىككى جۈملە ياكى جۈملە بۆلەكلىرىنى تەڭداش مۇناسىۋەتتە باغلاپ كېلىدۇ:[مىسال:] مەن ئادىل بىلەن مۇختەرنى بازاردا ئۇچراتتىم.[يەشمىسى:] ② «-غان، -قان، -گەن، -كەن» بىلەن ئاخىرلاشقان سۈپەتداشتىن كېيىن كېلىپ، مەنە جەھەتتىن قارشى بولغان ئەگەشمە جۈملە بىلەن باش جۈملىنى باغلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ:[مىسال:] مەن بۇ شەھەرگە كەلمىگەن بىلەن، باشقا جايلارغا بارغانمەن.[يەشمىسى:] ③ ئىش-ھەرىكەتنىڭ ۋاسىتىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] قولى بىلەن ئېلىپ، پۇتى بىلەن بېرىپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ④ ئابستراكت مەنىدىكى ئىسىملار بىلەن بىرىكىپ، ئىش-ھەرىكەتنىڭ قانداق روھىي ھالەتتە ئورۇنلىنىشىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇلار بىزنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى.[يەشمىسى:] ⑤ ۋاقىت مەنىسىدىكى سۆزلەر بىلەن كېلىپ، ئىش-ھەرىكەتنىڭ قاچان سادىر بولغانلىقىنى، قانچە ۋاقىت داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇلار قەشقەرگە تاڭ سەھەر بىلەن يېتىپ كەلگەنىدى.[يەشمىسى:] ⑥ ئورۇن، جاينى بىلدۈرىدىغان ئىسىملاردىن كېيىن كېلىپ، ئىش-ھەرىكەتنىڭ شۇ جاينى بويلاپ يۆنەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مەن بازار بىلەن كەلدىم.[يەشمىسى:] ⑦ «بىللە»، «بىرلىكتە» رەۋىشلىرى بىلەن كېلىپ، بىللىلىك ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئاسىم ئۆزىنىڭ پارتىزان يىگىتلىرى بىلەن بىللە يېتىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ⑧ ئىككى تەرەپ قاتنىشىش بىلەن بولىدىغان ئىش-ھەرىكەتنىڭ قارشى تەرىپىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مەن تۇرسۇن بىلەن ئىككى سائەت پاراڭلاشتىم.[يەشمىسى:] ⑨ ئىش-ھەرىكەتنىڭ ياكى ھالەتنىڭ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە ئۆزىدىن ئالدىنقى سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن نەرسە سەۋەب، ئاساس بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقار (ماقال).[يەشمىسى:] 01 رەۋىشداشلار بىلەن بىللە كېلىپ، مەلۇم بىر ئىش، ئوي-پىكىرگە بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ خىيال بىلەن ئولتۇرۇپ، مېنىڭ كىرگىنىمنى سەزمەي قالدى.[يەشمىسى:] 11 ۋاقىت، پەيت مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئەگەشمە جۈملىلەردە ئىسىمداشتىن كېيىن كېلىپ، ئىش-ھەرىكەتنىڭ باش جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىشتىن بۇرۇن بېجىرىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] باش ئەتىياز كېلىشى بىلەن مەن سەرسان بولۇپ كېتىپ قالدىم.

بىلەنمەك

  • بىلەنمەك[يەشمىسى:] «بىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] پىچاق بىلەندى.

بىلەي

  • بىلەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىغلىق سايمانلارنى بىلەپ ئىتتىكلىتىش، پارقىرىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل قۇم تاش.

بىلجىرلاتماق

  • بىلجىرلاتماق[يەشمىسى:] «بىلجىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بىلجىرلاشماق

  • بىلجىرلاشماق[يەشمىسى:] «بىلجىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بىلجىرلىماق

  • بىلجىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاساسسىز، بولمىغۇر گەپ قىلماق؛ ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلىمەك؛ ئالجىماق؛ جۆيلۈمەك:[مىسال:] ئۇ بولار-بولماس بىلجىرلاپ ئىشنى بۇزدى.

بىلدۈرمەك

  • بىلدۈرمەك[يەشمىسى:] ① «بىلمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ، توپ-زەمبىرەكلەرنى قانداق ئىشلىتىشنى خەلق ئەسكەرلىرىگە بىلدۈردى.[يەشمىسى:] ② ئىپادىلىمەك:[مىسال:] مەسچىت دېگەن سۆز ئەرەبچە «سەجدە قىلىدىغان جاي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.[يەشمىسى:] ③ ئىزھار قىلماق، ئېيتماق:[مىسال:] تەشەككۇر بىلدۈرمەك. ئىپادە بىلدۈرمەك.[يەشمىسى:] ④ كۆرسەتمەك:[مىسال:] قارشىلىق بىلدۈرمەك.

بىلدۈرۈشمەك

  • بىلدۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «بىلدۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەزالار ئۇنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بىلدۈرۈلمەك

  • بىلدۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «بىلدۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بىللاھىئەزىم

  • بىللاھىئەزىم[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۇلۇغ خۇدا ھەققى، ئۇلۇغ ئاللانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى:[مىسال:] بىللاھىئەزىم، ھازىر نەق پۇلۇم يوق، دېدى تۇرسۇن.

بىللە

  • بىللە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «بىرگە، بىرلىكتە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىللە بارماق. بىللە ماڭماق.

بىللۇر

  • بىللۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] رەڭسىز ھەم سۈزۈك ھالەتتىكى كۋارتس. ئۇ قىممەت باھالىق بىر خىل رودا.

بىللىلەشمەك

  • بىللىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرگە بولماق، بىرلەشمەك، ئۇيۇشماق، ئۆملەشمەك:[مىسال:] ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە كىشىلەر بىللىلىشىپ ئىشلەشكە مەجبۇر ئىدى.

بىللىلىك

  • بىللىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىللە بولۇش، بىرگە يۈرۈش؛ بىللە يۈرگەن، تۇرغان ھالەت، ئەھۋال:[مىسال:] سەن دېمىسەڭمۇ ھەممە كىشى ئۇلارنىڭ بىللىلىكىنى بىلىدۇ.

بىلمەسلىك

  • بىلمەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىلمىگەن، چۈشەنمىگەن ھالەت، ئۇقماسلىق، ماھىيىتىنى ئىگىلىيەلمەي قېلىش:[مىسال:] بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس، ئۆگەنمەسلىك ئەيىب (ماقال).

بىلمەك

  • بىلمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر ساھەدە مەلۇماتقا، بىلىمگە ئىگە بولماق:[مىسال:] خەت بىلمەك. * كۆپ ئوقۇغان كۆپ بىلەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② خەۋەردار بولماق، ۋاقىپ بولماق، خەۋەر تاپماق:[مىسال:] قادىر ئاخىرى ھەممىنى بىلدى.[يەشمىسى:] ③ ئەسلىي ماھىيىتىنى چۈشەنمەك، ئۇقماق، پەرق قىلماق، ئاجراتماق:[مىسال:] قازان ئالساڭ چېكىپ ئال، خوتۇن ئالساڭ بىلىپ ئال (ماقال).[يەشمىسى:] ④ تونۇماق، تونۇش بولماق:[مىسال:] بىلگەن يولۇڭنى ئاتاڭغا بەرمە (ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ ھېس قىلماق، سەزمەك:[مىسال:] قولۇمنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئەمدى بىلدىم.[يەشمىسى:] ⑥ قەدرىگە يەتمەك، قەدىرلىمەك:[مىسال:] ئۆزىنى بىلمىگەن خەقنى بىلمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ⑦ ھېسابلىماق، سانىماق، چاغلىماق... دەپ ھېسابلىماق، ... دەپ تونۇماق:[مىسال:] غەنىيمەت بىلمەك. * ئۆزۈڭنى ئەر بىلسەڭ، ئۆزگىنى شىر بىل (ماقال).

بىلىپ-بىلمەي

  • بىلىپ-بىلمەي[يەشمىسى:] گاھىدا بىلىپ، گاھىدا بىلمەي؛ ئەھۋال ئېنىق بولماي تۇرۇپ:[مىسال:] ھازىر ھەممىمىز بىلىپ-بىلمەي قىلغان يامان ئىشلىرىمىزغا توۋا قىلدۇق.

بىلىشمەك

  • بىلىشمەك[يەشمىسى:] ① «بىلمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئەكبەر بىلەن گەپ تالىشىپ نەپ ئالالمايدىغانلىقىنى بىلىشەتتى.[يەشمىسى:] ② تونۇشماق، تونۇش-بىلىش بولماق:[مىسال:] بىز بىر-بىرىمىزنى ياخشى بىلىشىمىز.

بىلىم

  • بىلىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا ئېرىشكەن بىلىشى ۋە تەجرىبىنىڭ مەھسۇلى ياكى مۇئەييەن ساھەگە ئائىت بولغان مەلۇماتلار يىغىندىسى:[مىسال:] بىلىم — ئەقىلنىڭ چىرىغى (ماقال).[يەشمىسى:] ② مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ دەرىجىسى، مەلۇمات:[مىسال:] ئۇنىڭ بىلىمى يۇقىرى.

بىلىمەك

  • بىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىغلىق سايمانلارنىڭ تىغىنى بىلەي تاش ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ يۈزىگە سۈركىمەك، ئىتتىكلەتمەك:[مىسال:] پىچاق بىلىمەك. ئۇستىرا بىلىمەك.

بىلىمچان

  • بىلىمچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىلىمى بار، بىلىملىك:[مىسال:] بىلىمچان ئادەم. * ھەممىسى بىلىمچان بولۇپ كەتتى.

بىلىمچانلىق

  • بىلىمچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزىنى بىلىمچان دەپ ھېسابلاش:[مىسال:] ۋاي-ۋۇي بىلىمچانلىقىڭنى سېنىڭ

بىلىمدار

  • بىلىمدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىلىملىك، بىلىمى بار كىشى:[مىسال:] سەن بىلىمدار ئىكەنسەن. ئېيتىپ باققىنا، يېتىم نەچچە، غېرىپ نەچچە دەپ سوراپتۇ قاراۋۇل.

بىلىمدان

  • بىلىمدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مول بىلىمگە، يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە بولغان؛ ئۇقۇمۇشلۇق، بىلىملىك؛ مەلۇماتلىق ئادەم:[مىسال:] ئەپەندىم، سىزنى ناھايىتى موللا، بىلىمدان دەپ ئاڭلىدىم. ئېيتىپ بېقىڭا، قاچان قىيامەت بولىدۇ دەپ سوراپتۇ باي.

بىلىمدانلىق

  • بىلىمدانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇقىرى بىلىمگە ئىگە بولۇش.

بىلىمسىز

  • بىلىمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىلىمى، مەلۇماتى يوق؛ بىلىم سەۋىيىگە ئىگە ئەمەس؛ نادان:[مىسال:] بىلىملىك ئاسمانغا چىقىپتۇ، بىلىمسىز ساماندا يېتىپتۇ (ماقال).

بىلىمسىزلىك

  • بىلىمسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىلىمى، مەلۇماتى يوقلۇق، نادانلىق:[مىسال:] بىلىمسىزلىك ئەقىل-پاراسەتنى ئۇرۇقسىز قالدۇرۇپ جۇدىتىۋېتىدۇ.

بىلىملىك

  • بىلىملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىلىمى بار، بىلىمگە ئىگە، بىلىمى مول:[مىسال:] بىلىملىك زىيالىي.

بىلىملىكلىك

  • بىلىملىكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىلىمگە ئىگە بولغانلىق، بىلىمگە ئىگە بولغان ھالەت، ئالاھىدىلىك.

بىلىنەر

  • بىلىنەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىلىنىدىغان، بىلىنگۈدەك دەرىجىدە، بىلگۈدەك، ھېس قىلغىلى بولغۇدەك:[مىسال:] دوستلۇق سىناقتا بىلىنەر (ماقال).

بىلىنەر-بىلىنمەس

  • بىلىنەر-بىلىنمەس[يەشمىسى:] سەل-پەل ياكى ئانچىكى بىلىنىدىغان، دېيەرلىك سېزىلمەيدىغان، ئانچە بىلىنمەيدىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ سەرەڭگە تۇتقان قولى بىلىنەر-بىلىنمەس تىترەيتتى.

بىلىنەرلىك

  • بىلىنەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىلىنىدىغان، سېزىلىدىغان؛ پەرق ئەتكىلى بولىدىغان، پەرقلىق:[مىسال:] شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ھاۋا بىلىنەرلىك سوۋۇدى.

بىلىنمەك

  • بىلىنمەك[يەشمىسى:] ① «بىلمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكى ئەمدى بىلىندى.[يەشمىسى:] ② «بىلمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بوۋايغا سابىرنىڭ كۆزلىرى غەزەپتىن يېنىۋاتقاندەك، قاپاقلىرى لىپ-لىپ قىلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقاندەك بىلىندى.[يەشمىسى:] ③ سېزىلمەك، ھېس قىلىنماق:[مىسال:] ئالتۇن ئوتتا، ئادەم مېھنەتتە بىلىنەر (ماقال).

بىلىۋېردىن

  • بىلىۋېردىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى بىر خىل پىگمېنت يەنى بىلىرۇبىننىڭ ئوكسىدلىنىشىدىن كېيىنكى ھاسىلات. قۇشلارنىڭ ئۆت پىگمېنتى بىلىۋېردىننى ئاساس قىلىدۇ، ئادەمنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئۇ ناھايىتى ئاز مىقداردا بولىدۇ.

بىليارت

  • بىليارت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ① مەخسۇس ياسالغان ئۈستەلدە شارلارنى مەخسۇس تاياق بىلەن ئۇرۇپ ئۈستەلنىڭ يېنى ۋە بۇرجەكلىرىدىكى تۆشۈكچىگە چۈشۈرۈش ئويۇنى:[مىسال:] بىليارت ئوينىماق.[يەشمىسى:] ② شۇ ئويۇننىڭ ئۈستەل ۋە تاياق-شارچىلىرى.

بىمار

  • بىمار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان، كېسەل، ئاغرىق:[مىسال:] بىمار ئادەم.

بىمارلىق

  • بىمارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېسەللىك.

بىماس

  • بىماس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ماس ئەمەس، ماس بولمىغان.

بىمالال

  • بىمالال[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئوڭايسىزلىق ھېس قىلماي، تارتىنماي، ئەركىن، بەھۇزۇر:[مىسال:] بىمالال سۆزلەشمەك.[يەشمىسى:] ② خاتىرجەم:[مىسال:] مۇھەممەت دوختۇر بولسا نېمىدېگەن ياخشى-ھە بىمالال كېسەل كۆرسىتىپ داۋالىنىدىغان بولدۇق.[يەشمىسى:] ③ توسقۇنسىز، قارشىلىقسىز؛ قىينالماي، ئاسان:[مىسال:] پاتەمخان خەنزۇچە ماتېرىياللاردىن بىمالال پايدىلىنالايتتى.[يەشمىسى:] ④ كاملىق قىلماي، تولۇق:[مىسال:] بۇ بىر باك ماي ئاپتوموبىلىمىز خوتەنگە بارغۇچە بىمالال يېتىدۇ.

بىمالاللىق

  • بىمالاللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەھۇزۇر، خاتىرجەم، تولۇق ئازادە بولغان ھالەت، خاتىرجەملىك، كەڭتاشالىق.

بىمەززە

  • بىمەززە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەززىسسىز. [يەشمىسى:] ② تەمسىز، لەززەتسىز:[مىسال:] بىمەززە قوغۇن.[يەشمىسى:] ③ قاملاشمىغان، مەنىسىز:[مىسال:] شۇنداق بولسىمۇ، سىزگە ئېيتىپ قويايكى، بۇ كېچە بىمەززە، كۆڭۈلسىز ئۆتىدۇ. چۈنكى قىزىقچى دوستلارنىڭ يېرىمى بارمايدۇ.

بىمەززىلىك

  • بىمەززىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەززىسىزلىك.

بىمەزگىل

  • بىمەزگىل[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەزگىلى، ۋاقتى كەلمەستىن، ۋاقىتسىز:[مىسال:] تازا بىمەزگىل ۋاقىتتا كېلىپ قاپتۇ، سەل كېچىكىپ كېلىدىغان ئىش ئىكەن.

بىمەسەل

  • بىمەسەل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھېكمىتى يوق سۆز؛ مەنىسىز، تېتىقسىز:[مىسال:] ئېزى ھەسەل، تولىسى بىمەسەل (ماقال).

بىمەنە

  • بىمەنە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەنىسىز:[مىسال:] بىمەنە سۆز. بىمەنە ئىبارە.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قۇرۇق سەپسەتىدىن ئىبارەت بولغان، تېتىقسىز، بولمىغۇر، ئورۇنسىز:[مىسال:] بىمەنە گەپ.[يەشمىسى:] ③ ئەقىلغە سىغمايدىغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس؛ ئاساسسىز:[مىسال:] ئادەملەر ئۇ يەر، بۇ يەردىن ئاڭلىغان بىمەنە خەۋەرلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرەتتى.[يەشمىسى:] ④ ئىنسانغا مۇناسىپ بولمىغان، ئەخلاقسىز، ئەرزىمەس، بولمىغۇر، يارىماس:[مىسال:] بىمەنە قىلىق. بىمەنە ئىش.[يەشمىسى:] ⑤ لەززىتى يوق، لەززەتسىز:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا كېچە-كۈندۈز بىر خىل تۇرىدىغان، زېرىكەرلىك، بىمەنە تۇرمۇش مەنزىرىسى ئېچىلدى.

بىمەنىلەشتۈرمەك

  • بىمەنىلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «بىمەنىلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بىمەنىلەشتۈرۈلمەك

  • بىمەنىلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «بىمەنىلەشتۈرمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بىمەنىلەشمەك

  • بىمەنىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىمەنە ھالەتكە كەلمەك. لاۋزىلاشماق:[مىسال:] ئۇلار بۇ ئىشتا تولىمۇ بىمەنىلەشتى.

بىمەنىلىك

  • بىمەنىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىمەنىلىشىش، مەنىسىزلىك:[مىسال:] بۇ ئىشقا نىسبەتەن باشقىچە كۆزقاراشتا بولۇش ھەقىقەتەنمۇ بىمەنىلىك.

بىمەھەل

  • بىمەھەل [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ۋاقتى كەلمەستىن، ۋاقىتسىز؛ بالدۇر:[مىسال:] ئىشىكنىڭ بىمەھەل چېكىلىشى شەمەرنىڭ چۈشلۈك ئۇيقۇسىنى بۇزۇۋەتتى.[يەشمىسى:] ② تاسادىپىي، ئويلىمىغان يەردىن:[مىسال:] ئۇ ئۆز سىرىنى بىمەھەل ئېيتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزى ئەيىبلىمەكتە.

بىمىننەت

  • بىمىننەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مىننەت قىلماي، مىننەتسىز؛ مىننەتدارلىق تەلەپ قىلماي:[مىسال:] بۇنىڭغا مەن بىمىننەت رازى، لېكىن ھالا بۈگۈنگىچە سەن مېنىڭ ئانىلىق نەسىھەتلىرىمنى بىر پۇلغا ئالمىدىڭ.

بىنا

  • بىنا[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرقانچە بۆلمە ياكى كۆپ قەۋەتلەردىن تەركىب تاپقان چوڭ ئۆي؛ ئىمارەت:[مىسال:] كۆپ قەۋەتلىك بىنا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بەرپا، پەيدا، مەۋجۇت:[مىسال:] بىنا بولماق. بىنا قىلماق.

بىنائەن

  • بىنائەن[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يۆنىلىش كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن ئىسىملارنىڭ كەينىگە ياندىشىپ كېلىپ، «بويىچە»، «ئاساسەن» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ:[مىسال:] بوۋاينىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن، كېلىن نان-چاي تەييارلىدى.

بىناكار

  • بىناكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىنا، ئۆي-ئىمارەتلەرنى سېلىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى، مەخسۇس قۇرۇلۇش ئۇستىسى.

بىناكارلىق

  • بىناكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىنا، ئۆي-ئىمارەت ۋە شۇ قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى سېلىش ئىشى، كەسپى.

بىناماز

  • بىناماز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ناماز ئۆتىمەيدىغان، ناماز ئوقۇشقا ئادەتلەنمىگەن:[مىسال:] ھەي، بىناماز بۇندىن كېيىن نامازغا كەلمىسەڭ، يېزىدىن كۆچۈپ كەت دەپتۇ ئىمام ئەپەندىمگە.

بىنامازلىق

  • بىنامازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناماز ئوقۇماسلىق ۋە شۇنداق ئادەت:[مىسال:] ئەپەندىم بىنامازلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ، سوراققا تارتىلىپتۇ.

بىناھايەت

  • بىناھايەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئاخىرى، چېكى يوق؛ چەكسىز:[مىسال:] ئۇ: قەدىرلىك ئاچا، غايەت شاد ۋە بىناھايەت مىننەتدارمەن، دېدى ۋە يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى.

بىناۋا

  • بىناۋا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① كۈيلىمەيدىغان، ناخشا ئېيتمايدىغان:[مىسال:] ھەمىشە مەن ناۋا قىلسام، يەنە «سەن بىناۋا» دەرلەر.[يەشمىسى:] ② بىچارە؛ بەختسىز؛ نائۈمىد:[مىسال:]

  • نېچۈك قىسمەتكى بۇ دوستلار،

  • ئەجەب بەختى قارا بولدۇم،

  • تۇغۇلغان ئۆز دىيارىمدا

  • مۇساپىر، بىناۋا بولدۇم.

بىناۋالىق

  • بىناۋالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كۈيلىمەسلىك. [يەشمىسى:] ② بىچارىلىك؛ بەختسىزلىك؛ نائۈمىدلىك.

بىنەپ

  • بىنەپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] نەپسىز، پايدىسىز:[مىسال:]

  • كىلىتسىز قۇلۇپ ئەمەس شېئىر ئاچقىلى بولمايدىغان،

  • ھەم ئەمەس سىرلىق تېپىشماق تاپقىلى بولمايدىغان.

  • گەر ئاشۇنداق بولسا ئۇ تەڭ ئىچى بوش لاي توپ بىلەن،

  • نېمە ھەددىڭ ئۇ بىنەپنى ئەلگە سوۋغام دەيدىغان.

بىنەپشە

  • بىنەپشە[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بىنەپشە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. بىنەپشىگۈل.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] رەڭگى بىنەپشىگە ئوخشايدىغان، بىنەپشە رەڭگىدىكى، سۇس سۆسۈن:[مىسال:] بىنەپشە بىللۇر. بىنەپشە پىروكسېن.

بىنەپشىگۈل

  • بىنەپشىگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]بىنەپشە+گۈل[[يەشمىسى:] «بىنەپشە»گە قاراڭ.

بىنەپشىلىك

  • بىنەپشىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىنەپشە گۈلى تېرىلغان، بىنەپشە گۈلى ئۆستۈرۈلگەن:[مىسال:]

  • قابا پەلەكنىڭ دەردىدە يۈرىكىمدە داغلار قالدى،

  • بۇلبۇلنى ئايرىدى گۈلدىن بىنەپشىلىك باغلار قالدى.

بىنەزەر

  • بىنەزەر[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] نەزەرگە ئالغۇسىز، نەزەر سالغۇسىز، ئەرزىمەس:[يەشمىسى:] ئادەم مەيلى ئالىيجاناب، ئۇلۇغ بولسۇن، ياكى يارىماس بىنەزەر بولسۇن، ھامان بىركۈنى قارا توپىغا كۆمۈلۈپ كېتىدىكەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] نەزەر سالماستىن، پەرۋاسىز:[مىسال:] ھېلىقى كىشى گىدىيىپ؛ بىنەزەر ئۆتۈپ كەتتى.

بىنەم

  • بىنەم[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەقەت يامغۇرنىڭ ياردىمىگە يۆلىنىپ تېرىلىدىغان:[مىسال:] بىنەم يەر.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەقەت يامغۇرنىڭ ياردىمىگە يۆلىنىپ تېرىلىدىغان يەر:[مىسال:] بولسا سۇلۇق، بولمىسا بىنەم (ماقال).

بىنەمچى

  • بىنەمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىنەم تېرىيدىغان كىشى؛ دېھقان:[مىسال:] ئۇلارنى بىنەمچىلەر ئېلىپ كېتەتتى.

بىنەملىك

  • بىنەملىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىنەم قىلىپ تېرىلغان يەر، بىنەم يەر:[مىسال:] يېزىنىڭ ئۈچ تەرىپى بىنەملىكلەر بىلەن ئورالغان.

بىنومۇس

  • بىنومۇس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «نومۇسسىز»غا قاراڭ:[مىسال:] بىنومۇس ئادەم.

بىنومۇسلۇق

  • بىنومۇسلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نومۇسسىزلىق.

بىنۇقسان

  • بىنۇقسان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] «نۇقسانسىز»غا قاراڭ:[مىسال:] بىنۇقسان كىشى بولماس.

بىنېسىپ

  • بىنېسىپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] تېگىشلىك نېسىۋىسىدىن، ھەققىدىن مەھرۇم قالغان؛ بەھرىمەن بولالمىغان:[مىسال:] بىنېسىپ بولماق.

بىنت

  • بىنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئۈستىگە چاپلىشىدىغان كاۋچۇك سۈرۈلگەن، جاراھەت تاڭىدىغان رەخت.

بىنتلاتماق

  • بىنتلاتماق[يەشمىسى:] «بىنتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بىنتلاشماق

  • بىنتلاشماق[يەشمىسى:] «بىنتلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

بىنتلانماق

  • بىنتلانماق[يەشمىسى:] «بىنتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

بىنتلىماق

  • بىنتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىنت بىلەن ئوراپ تاڭماق، باغلىماق:[مىسال:] چاچنى بىنتلىماق.

بىھاجەت

  • بىھاجەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] «ھاجەتسىز»گە قاراڭ.

بىھايا

  • بىھايا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «ھاياسىز»غا قاراڭ:[مىسال:]

  • ئەخلاقسىز كىشىدە يۇقتۇر

  • پسسەنمۇ

  • شۇ ئەخلەتكە قالىسەن ئوخشاپ،

  • بىھايا ئادەمدىن ئالمىساڭ ئىبرەت.

بىھايالىق

  • بىھايالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاياسىزلىق.

بىھوش

  • بىھوش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھوشىدىن كەتكەن، ھوشسىز:[مىسال:] بىھوش بولماق. بىھوش بالا.

بىھوشلاندۇرماق

  • بىھوشلاندۇرماق[يەشمىسى:] «بىھوشلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بىھوشلانماق

  • بىھوشلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىھوش ھالەتكە كېلىپ قالماق؛ ھوشىنى، سېزىمىنى يوقىتىپ قويماق:[مىسال:] يېرىم بىھوشلانغان كېسەل يىگىت بىئارام بولاتتى.

بىھوشلۇق

  • بىھوشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھوشىسىزلىق.

بىھۇدە

  • بىھۇدە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① پايدىسىز، مەنپەئەتسىز، بىكار:[مىسال:] مەن بىھۇدە زايە بولغان ئاشۇ ئون يىلغا ئېچىنىمەن.[يەشمىسى:] ② ئورۇنسىز، ناھەق:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەپتۇ.[يەشمىسى:] ③ مەززىسىز، كېلىشمىگەن، ئاساسسىز، بولمىغۇر:[مىسال:] ئالىم بىھۇدە گەپلەرنى كۆپ قىلىپ كەتتى.

بىھۇدىلىك

  • بىھۇدىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىھۇدە ئىش-ھەرىكەت.

بىھۆرمەت

  • بىھۆرمەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھۆرمىتى يوق، كىشىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان، ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدىغان؛ ھۆرمەتسىز:[مىسال:] ھەي، بىھۆرمەت، ئەدەپسىز، سېنىڭ ئېشەكتىن پەرقىڭ قانچىلىك زادى دەپتۇ باي ئەپەندىمگە زەردە بىلەن ۋارقىراپ.

بىھۆرمەتلىك

  • بىھۆرمەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۆرمەتسىزلىك:[مىسال:] باسىت نۇرغا: ھاي، نائىنساپ تارت تىلىڭنى، بىھۆرمەتلىك قىلما، دېدى.

بىھېساب

  • بىھېساب[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «ھېسابسىز»غا قاراڭ:[مىسال:] ئاسماندىكى بىھېساب يۇلتۇزلار 14 كۈنلۈك تولۇن ئاي ۋە يوللارغا ئورنىتىلغان ئېلېكتر لامپىلىرى يېزا كېچىسىنى ئالتۇن نۇرغا پۈركىگەنىدى.

بىئوئاسترونومىيە

  • بىئوئاسترونومىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئالەم قاتنىشىدىكى بىئولوگىيىلىك، مېدىتسىنالىق مەسىلىلەر ۋە ھەرىكەت مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان تارماق پەن.

بىئوپىگمېنت

  • بىئوپىگمېنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] تەبىئەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋانلارنىڭ ھەرقانداق بىر پىگمېنتى.

بىئوتىن

  • بىئوتىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ۋىتامىن «B» گۇرۇپپىسىغا تەۋە بىرىكمە ئىچىدە بولىدىغان رەڭسىز ۋە كرىستال ھالەتتىكى بىر خىل ۋىتامىن.

بىئوخىمىيە

  • بىئوخىمىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] جانلىقلارنى خىمىيىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئۇسۇللىرى ئارقىلىق تەتقىق قىلىدىغان ئارىلىق پەن.

بىئوخىمىيىلىك

  • بىئوخىمىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىئوخىمىيىگە ئائىت، تەۋە، شۇنى ئاساس قىلغان ياكى بىئوخىمىيە ئاساسىدىكى.

بىئوستاتىستىكا

  • بىئوستاتىستىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ماتېماتىكىلىق ۋە فىزىكىلىق ستاتىستىكا قائىدىلىرى ئارقىلىق بىئولوگىيە ئىلمىدىكى سان ئۆزگىرىشلىرىنى ئانالىز قىلىدىغان ۋە يېشىپ، شەرھلەپ بېرىدىغان بىر خىل تارماق پەن.

بىئوسفېرا

  • بىئوسفېرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يەر شارىنىڭ جانلىقلار تارقالغان بەلۋېغى. ئۇ ئاتموسفېرا قەۋىتىنىڭ تۆۋەن قىسمى، گىدروسفېرا، تۇپراق ۋە چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان لىتوسفېرا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىئوفىزىكا

  • بىئوفىزىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] فىزىكىلىق پرىنسىپ ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق جانلىق ئورگانىزملارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى جەريانىدىكى مېخانىكىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئارىلىق پەن.

بىئوفىزىكىلىق

  • بىئوفىزىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىئوفىزىكا قائىدىلىرىگە ئاساسلانغان ياكى بىئوفىزىكىغا ئائىت، خاس.

بىئوكىلىماتولوگىيە

  • بىئوكىلىماتولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] تەبىئىي مۇھىتتىكى ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئورگانىزملارغا بولغان رولىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

بىئوگراف

  • بىئوگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] بىئوگرافىيە يەنى تەرجىمىھال يازغۇچى، بىئوگرافىيىلىك ئەسەرلەرنى يازىدىغان يازغۇچى.

بىئوگرافىيە

  • بىئوگرافىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] بىرەر كىشىنىڭ ھايات يولى ۋە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى؛ تەرجىمىھال.

بىئوگرافىيىلىك

  • بىئوگرافىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىئوگرافىيىگە ئائىت، تارىخىي:[مىسال:] بىئوگرافىيىلىك رومان.

بىئوگېنېتىكا

  • بىئوگېنېتىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] جانلىقلار (ئادەم، ھايۋانات ۋە تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەر) نىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ۋە گېنىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان ھەم بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەلا سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىلىم.

بىئولوگ

  • بىئولوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بىئولوگىيە ئالىمى، بىئولوگىيە مۇتەخەسسىسى.

بىئولوگىيە

  • بىئولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] جانلىقلارنىڭ تۈزۈلۈشى، خىزمىتى، پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ زوئولوگىيە، بوتانىكا، مىكروبىئولوگىيە، پالېئونتولوگىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىئولوگىيىلىك

  • بىئولوگىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىئولوگىيىگە تەئەللۇق، بىئولوگىيىگە ئائىت. بىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش.

بىئومېتېئورولوگىيە

  • بىئومېتېئورولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلار بىلەن ھاۋا كىلىماتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

بىئومېتىر

  • بىئومېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] نەپەسلىنىش رولى جەھەتتىكى مۆلچەر ئارقىلىق ئۆمۈر چېكىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب.

بىۋاپا

  • بىۋاپا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ۋاپاسىز:[مىسال:] بىۋاپا يار.

بىۋاپالىق

  • بىۋاپالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋاپاسىزلىق.

بىۋاقىت

  • بىۋاقىت[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئىلگىرى، ۋاقتى-سائىتى كەلمەستىن، ۋاقىتسىز:[مىسال:] ئۇ بىز بىلەن بىۋاقىت مەڭگۈگە خوشلاشتى.

بىۋاسىتە

  • بىۋاسىتە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① توغرىدىن-توغرا؛ ۋاسىتىسىز:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ ئەھۋالنى ئېيتتىم.[يەشمىسى:] ② توپتوغرا، ئۇتتۇر، ئۇدۇل:[مىسال:] بۇ يول بىۋاسىتە يېڭىيەر يېزىسىغا بارىدۇ.

بىۋاك

  • بىۋاك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] گەپكە كىرمەيدىغان، ھېيىقمايدىغان، كەپسىز:[مىسال:] ئاتا-ئانىسىنى جېنىدىن جاق تويدۇرغان بىۋاك، كەپسىز بالىمۇ ئايشەم مۇئەللىمنىڭ قولىدا يىكتەك تۈزىلىپ، ئەقىللىق، ئەدەپلىك بولۇپ ئۆزگىرىدۇ.

بىۋاكلاشتۇرماق

  • بىۋاكلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «بىۋاكلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

بىۋاكلاشماق

  • بىۋاكلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گەپكە كىرمەيدىغان، ھېيىقمايدىغان بولۇپ كەتمەك، كەپسىزلەشمەك:[مىسال:] بۇ بالا بارغانچە ئاينىپ، بىۋاكلىشىپ كېتىۋاتاتتى.

بىۋەتەن

  • بىۋەتەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① ۋەتىنى، يۇرتى يوق؛ ئۆز جايىدىن ئايرىلغان؛ ۋەتەنسىز:[مىسال:] بىۋەتەن ئاققۇن.[يەشمىسى:] ② ئۆي-جايسىز، باشپاناھسىز:[مىسال:] سەمەت ئۈچ يىل قېچىپ يۈرۈپ بالىلىرىنى بىۋەتەن قىلدى.

بىئىختىيار

  • بىئىختىيار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىختىيارىغا باغلىق بولمىغان، ئىختىيارسىز:[مىسال:] بىئىختىيار كېلىپ قالماق.

بىئېتىبار

  • بىئېتىبار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئېتىبارى يوق، ئېتىبارسىز.

بىيە

  • بىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بالىسى بار بايتال.

بيۇرو

  • بيۇرو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] سىياسىي پارتىيىلەر ۋە تەشكىلاتلاردىكى ئىجرائىي رەھبەرلىك ئورگىنى:[مىسال:] بيۇرو ئەزالىرى.

بيۇروكرات

  • بيۇروكرات[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە+گرېكچە[[يەشمىسى:] ئۆز ۋەزىپىسىگە رەسمىيەتچىلىك بىلەن قارايدىغان، رەسمىيەتنى دەستەك قىلغان ھالدا ئىش بېجىرىدىغان:[مىسال:] بيۇرۇكرات رەھبەر.

بيۇروكراتلارچە

  • بيۇروكراتلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بيۇروكراتلارغا خاس ھالدا، بيۇروكراتلارغا ئوخشاش ھالەتتە، بيۇروكراتلاردەك.

بيۇروكراتلاشماق

  • بيۇروكراتلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بيۇروكراتقا ئايلانماق.

بيۇروكراتلىق

  • بيۇروكراتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇرۇق رەسمىيەتچىلىك؛ بيۇروكراتلارغا خاس ئىش-ھەرىكەت.

بيۇروكراتىزم

  • بيۇروكراتىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن، رېئال جەمئىيەتتىن ۋە جەمئىيەت مەنپەئەتلىرىدىن ئايرىلغان ھالدا قۇرۇق رەسمىيەتچىلىك بىلەن ئىش تۇتۇش.