ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

25 ئو 🔗

ئو

ئوبدان

ئوبدانچاق

ئوبدانچاقلىق

ئوبدانچىلىق

ئوبدانلاشماق

ئوبدانلىق

ئوبدانلىماق

ئوبراز

ئوبرازچانلىق

ئوبرازلاشتۇرماق

ئوبرازلاشتۇرۇش

ئوبرازلاشتۇرۇشماق

ئوبرازلاشتۇرۇلماق

ئوبرازلاشماق

ئوبرازلىق

ئوبزور

ئوبزورچى

ئوبزورچىلىق

ئوبكوم

ئوبلاست

ئوبلاستلىق

ئوبوروت

ئوبۇ

ئوبىسدىئان

ئوبيوم

ئوبيېكت

ئوبيېكتىپ

ئوبيېكتىپلىق

ئوبيېكتىۋىزم

ئوپال

ئوپپۇرتۇنىزم

ئوپپۇرتۇنىست

ئوپتىكا

ئوپتىكىلىق

ئوپتىمېتىر

ئوپتىمىزم

ئوپتىمىست

ئوپقان

ئوپقانلىق

ئوپۇر

ئوپۇر-توپۇر

ئوپۇرماق

ئوپۇرۇلماق

ئوپۇل-توپۇل

ئوپېرا

ئوپېراتسىيە

ئوپېراتور

ئوپېراتورلۇق

ئوپېرالاشتۇرماق

ئوپېرالاشتۇرۇلماق

ئوتⅠ

ئوتⅡ

ئوت ئاچماق

ئوت ئالماق

ئوت بىلەن سۇدەك

ئوت بىلەن ئويناشماق

ئوتقا ياغ چاچماق

ئوت قويماق

ئوت قۇيرۇق

ئوت قۇيرۇقلۇق

ئوت كەتمەك

ئوت ئېتىقادچىلىقى

ئوتى بار

ئوتى بېسىلماق

ئوت يۈرەك

ئوتاتماق

ئوتاچى

ئوتاشماق

ئوتاقⅠ

ئوتاقⅡ

ئوتاقچى

ئوتالغۇ

ئوتالماق

ئوت-بوغۇز

ئوتپەرەس

ئوت-پىراق

ئوتتاش

ئوتتۇرا

ئوتتۇرا ئەسىر

ئوتتۇرا دولقۇن

ئوتتۇرا قولدەك

ئوتتۇرا مەكتەپ

ئوتتۇرا ھايات ئېراسى

ئوتتۇرا يولدا

ئوتتۇرىغا چىقماق

ئوتتۇرانچى

ئوتتۇرىچە

ئوتتۇرىلاشماق

ئوتتۇرىلىق

ئوتتۇز

ئوتتۇز ئوغۇل

ئوتتۇزبېشى

ئوتتۇزىنچى

ئوتتېلىيە

ئوتتېلىيە ئوتى

ئوت-چۆپ

ئوتخاناⅠ

ئوتخاناⅡ

ئوت-خەس

ئوتخور

ئوتخورلۇق

ئوت-سامان

ئوتسىندۇرماق

ئوتسىنماق

ئوتسىنىشماق

ئوتقاش

ئوتقاشچى

ئوت-كاۋاپ

ئوتلاتماقⅠ

ئوتلاتماقⅡ

ئوتلاشماقⅠ

ئوتلاشماقⅡ

ئوتلاق

ئوتلاق سالمىسى

ئوتلاقچىلىق

ئوتلام

ئوتلانماق

ئوتلۇقⅠ

ئوتلۇقⅡ

ئوتلۇقⅢ

ئوتلىتىشماق

ئوتلىماقⅠ

ئوتلىماقⅡ

ئوتلىماقⅢ

ئوتھارۋا

ئوتوفون

ئوتۇغات

ئوتۇغات مونچاق

ئوتۇقماق

ئوتۇن

ئوتۇننى يۇيۇپ قالايدىغان

ئوتۇن-چاۋار

ئوتۇنچى

ئوتۇنچىلىق

ئوتۇنخانا

ئوتۇنلۇق

ئوتىغۇچ

ئوتىماق

ئوتياش

ئوتياشچى

ئوتياشچىلىق

ئوتياشلىق

ئوچ

ئوچاق

ئوچاقلىق

ئوچاقنەيزە

ئوچۇق

ئوچۇق بوغۇم

ئوچۇق خەت

ئوچۇق دەرس

ئوچۇق دېڭىز

ئوچۇق سوت

ئوچۇق ئىمتىھان

ئوچۇق-ئاشكارا

ئوچۇقتىن-ئوچۇق

ئوچۇقچىلىق

ئوچۇقلاشتۇرماق

ئوچۇقلاشتۇرۇلماق

ئوچۇقلاشماق

ئوچۇقلۇق

ئوچۇق-يورۇق

ئوچۇم

ئوچۇملاتماق

ئوچۇملاشماق

ئوچۇملانماق

ئوچۇملىماق

ئوچېرك

ئوخرەك

ئوخشاتماق

ئوخشاش

ئوخشاشلىق

ئوخشاشماق

ئوخشالماق

ئوخشىتىش

ئوخشىتىشماق

ئوخشىتىلماق

ئوخشىماق

ئودونتولوگىيە

ئودىكام

ئورا

ئورا كولىماق

ئوراتماق

ئوراشماق

ئوراق

ئوراقسىز

ئوراقلىق

ئورالما

ئورالماقⅠ

ئورالماقⅡ

ئورامⅠ

ئورامⅡ

ئورانگۇتان

ئورانماق

ئورەك

ئوربىتا

ئوربىتىلىق

ئورتا

ئورتاق

ئورتاقچى

ئورتاقچىلىق

ئورتاقلاشتۇرماق

ئورتاقلاشتۇرۇلماق

ئورتاقلاشماق

ئورتاقلىق

ئوردا

ئوردا-ساراي

ئوردان

ئوردوۋىك

ئوردوۋىك دەۋرى

ئوردوۋىك سىستېمىسى

ئوردۇ

ئوردۇ تىلى

ئوردۇچە

ئوردېر

ئوردېن

ئوردىبېگى

ئوردىلىق

ئوردىنات

ئورغاق

ئورغاقچى

ئورغاقسىمان

ئورغۇزماق

ئورفوگرافىيە

ئوركېستىر

ئوركېستىرلاشتۇرماق

ئوركېستىرلاشماق

ئوركېستىرلىق

ئورگانⅠ

ئورگانⅡ

ئورگانىزم

ئورگانىك

ئورگىنىيە

ئورگىنىيە ئوتى

ئورما

ئورماق

ئورمان

ئورمان بەلۋېغى

ئورمانچى

ئورمانچىلىق

ئورمانزار

ئورمانزارلىق

ئورمانشۇناس

ئورمانشۇناسلىق

ئورمانلاشتۇرماق

ئورمانلاشماق

ئورمانلىق

ئورمىچى

ئورمىلىق

ئورناتماق

ئورناشتۇرماق

ئورناشتۇرۇشماق

ئورناشتۇرۇلماق

ئورناشماق

ئورنىتىشماق

ئورنىتىلماق

ئورنىماق

ئورۇس

ئورۇسگۈل

ئورۇشماق

ئورۇقⅠ

ئورۇق ئات

ئورۇقⅡ

ئورۇقسىز

ئورۇقلاتماق

ئورۇقلۇقⅠ

ئورۇقلۇقⅡ

ئورۇقلىتىلماق

ئورۇقلىماق

ئورۇلماق

ئورۇلۇق

ئورۇم

ئورۇن

ئورۇن كېلىش

ئورنىنى قىلماق

ئورنى ئىسسىماق

ئورنى يوق

ئورۇنا

ئورۇنباسار

ئورۇن-تۆشەك

ئورۇنداتماق

ئورۇنداشماق

ئورۇندالماق

ئورۇندۇق

ئورۇندۇقلۇق

ئورۇندىماق

ئورۇنسىز

ئورۇنسىزلىق

ئورۇن-كۆرپە

ئورۇنلاتماق

ئورۇنلاشتۇرماق

ئورۇنلاشتۇرۇشماق

ئورۇنلاشماقⅠ

ئورۇنلاشماقⅡ

ئورۇنلانماق

ئورۇنلۇق

ئورۇنلىماق

ئورىدىماق

ئورىغۇچى

ئورىگىنال

ئورىماقⅠ

ئورىماقⅡ

ئوزا

ئوزاⅡ(ئوزايى)

ئوزاقى

ئوزاقى يىل

ئوزدۇرماق

ئوزماق

ئوزون

ئوزۇق

ئوزۇق-تۈلۈك

ئوزۇقسىز

ئوزۇقشۇناس

ئوزۇقشۇناسلىق

ئوزۇقلاندۇرماق

ئوزۇقلاندۇرۇشماق

ئوزۇقلاندۇرۇلماق

ئوزۇقلانماق

ئوزۇقلۇق

ئوزۇق-ئوقەت

ئوسا

ئوسال

ئوساللاشتۇرماق

ئوساللاشتۇرۇشماق

ئوساللاشتۇرۇلماق

ئوساللاشماق

ئوساللىق

ئوسما

ئوسما قويماق

ئوسموس

ئوسموسلۇق

ئوسمىي

ئوسۇرتماق

ئوسۇرغاق

ئوسۇرماق

ئوسۇرۇشماق

ئوسۇرۇق

ئوسرۇقىغا ئالماسلىق

ئوسۇڭ

ئوسۇڭلۇق

ئوسېتر

ئوش

ئوشە

ئوشتۇتماق

ئوشتۇشماق

ئوشتۇلماق

ئوشتۇماق

ئوششاق

ئوششاق مۇقامى

ئوشۇقⅠ

ئوشۇقⅡ

ئوشۇق ئوينىماق

ئوشۇقى ئالچۇ چۈشمەك

ئوشۇق-تۆشۈك

ئوشۇق-تۆشۈك گېپى يوق

ئوشۇقتىن-ئوشۇق

ئوشۇقچە

ئوشۇقچىلىق

ئوشۇقلۇق

ئوغا

ئوغرى

ئوغرى باغ تاسما

ئوغرى بوي

ئوغرى تۇتماق

ئوغرى چىش

ئوغرى يانچۇق

ئوغرى يول

ئوغرىتىكەن

ئوغرىلاتماق

ئوغرىلاشماق

ئوغرىلانماق

ئوغرىلىق

ئوغرىلىقچە

ئوغرىلىماق

ئوغرى-يالغان

ئوغلاق

ئوغلاق تارتىشىش

ئوغلاقچى

ئوغلاقلىق

ئوغلان

ئوغلانلىق

ئوغۇ

ئوغۇت

ئوغۇتسىز

ئوغۇتلاتماق

ئوغۇتلاشماق

ئوغۇتلانماق

ئوغۇتلۇق

ئوغۇتلىماق

ئوغۇزⅠ

ئوغۇزⅡ

ئوغۇز چىش

ئوغۇل (ئوغلى)

ئوغۇل بالا

ئوغۇلچاق

ئوغۇلچە

ئوغۇلچىلاپ

ئوغۇلچىلاپ كىرمەك

ئوغۇلسىز

ئوغۇل-قىز

ئوغۇللۇق

ئوفىتسېر

ئوفىتسېرلىك

ئوقⅠ

ئوق

ئوق يىلتىز

ئوقⅢ

ئوقەت

ئوقەتچى

ئوقەتچىلىك

ئوقتەك

ئوقچۇتماق

ئوقچۇماق

ئوقدان

ئوق-دورا

ئوقرۇق

ئوقرۇق كېسىلى

ئوقرۇقلىماق

ئوق-ساداق

ئوقسىمان

ئوقلاتماق

ئوقلاشماق

ئوقلاقلىق

ئوقلانماق

ئوقلۇق

ئوقلىماق

ئوقۇبەت

ئوقۇبەتسىز

ئوقۇبەتلىك

ئوقۇتقۇچى

ئوقۇتقۇچىلىق

ئوقۇتماق

ئوقۇتۇش

ئوقۇتۇلماق

ئوقۇر

ئوقۇرى ئېگىز

ئوقۇرەك

ئوقۇرسىمان

ئوقۇرلۇق

ئوقۇرمەن

ئوقۇش

ئوقۇشسىز

ئوقۇشلۇق

ئوقۇشماق

ئوقۇش-ئوقۇتۇش

ئوقۇغۇچى

ئوقۇغۇچىلىق

ئوقۇل

ئوقۇلداش

ئوقۇلماق

ئوقۇماق

ئوقۇمۇشلۇق

ئوقيا

ئوق-ياراغ

ئوقيىلان

ئوكتاۋا

ئوكسىد

ئوكسىدسىز

ئوكسىدسىزلاندۇرماق

ئوكسىدسىزلاندۇرغۇچى

ئوكسىدسىزلاندۇرۇلماق

ئوكسىدسىزلانماق

ئوكسىدسىزلىغۇچى

ئوكسىدسىزلىق

ئوكسىدسىزلىنىش

ئوكسىدلار

ئوكسىدلاشتۇرماق

ئوكسىدلاندۇرماق

ئوكسىدلاندۇرۇلماق

ئوكسىدلانماق

ئوكسىدلىغۇچى

ئوكسىدلىق

ئوكسىدلىماق

ئوكسىدلىنىش

ئوكسىگېن

ئوكسىگېنلىك

ئوكۇل

ئوكۇلخانا

ئوكۇليار

ئوكۇن

ئوكيان

ئوكيانشۇناس

ئوكيانشۇناسلىق

ئوكيانىيە

ئوڭ

ئوڭ بايان

ئوڭ تاناسىپ

ئوڭ كۆزدە قارىماق

ئوڭ نىسبەت

ئوڭ يۈرەك دالانچىسى

ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسى

ئوڭ يۈز

ئوڭاي

ئوڭايسىز

ئوڭايسىزلاندۇرماق

ئوڭايسىزلاندۇرۇشماق

ئوڭايسىزلانماق

ئوڭايسىزلىق

ئوڭايلاشتۇرماق

ئوڭايلاشتۇرۇشماق

ئوڭايلاشتۇرۇلماق

ئوڭايلاشماق

ئوڭايلىق

ئوڭايلىقچە

ئوڭ-تەتۈر

ئوڭ-تەتۈرنى بىلمەك

ئوڭ-تەتۈرىنىڭ تايىنى يوق

ئوڭتەي-توڭتەي

ئوڭچە

ئوڭچى

ئوڭچىل

ئوڭچىللىق

ئوڭخاي

ئوڭدا

ئوڭدا چۈشمەك

ئوڭدا قويماق

ئوڭدا ياتماق

ئوڭدا-دۈمدە

ئوڭشاتماق

ئوڭشاشماق

ئوڭشالماق

ئوڭشىماق

ئوڭغۇل-دوڭغۇل

ئوڭلاتماق

ئوڭلاشماق

ئوڭلاشتۇرماق

ئوڭلانماق

ئوڭلۇق

ئوڭلىماق

ئوڭماق

ئوڭۇش

ئوڭۇشسىز

ئوڭۇشسىزلىق

ئوڭۇشلۇق

ئول

ئولاشتۇرماق

ئولاشتۇرۇلماق

ئولاش-چولاش

ئولاشماق

ئولاق

ئولپاق

ئولپاڭ

ئولپان

ئولتۇراق

ئولتۇراقلاشتۇرماق

ئولتۇراقلاشتۇرۇلماق

ئولتۇراقلاشماق

ئولتۇراقلىق

ئولتۇرسا-قوپسا

ئولتۇرغۇچ

ئولتۇرغۇچ سۆڭەك

ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى

ئولتۇرغۇزماق

ئولتۇرغۇزۇلماق

ئولتۇر-قوپ

ئولتۇرماق

ئولتۇرالماي قالماق

ئولتۇرۇپ قالماق

ئولتۇرۇش

ئولتۇرۇشاڭغۇ

ئولتۇرۇشلۇق

ئولتۇرۇشما

ئولتۇرۇشماق

ئولجا

ئولجىلىق

ئولچى

ئولغام

ئولىگارخىيە

ئولىمپىك

ئوم

ئومارتا

ئوماق

ئوماقلاشتۇرماق

ئوماقلاشماق

ئوماقلىق

ئومان

ئومۇت

ئومۇرتقا

ئومۇرتقىسىز

ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار

ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار

ئومۇم

ئومۇم گۈل رېتى

ئومۇمەن

ئومۇملاشتۇرماق

ئومۇملاشتۇرۇشماق

ئومۇملاشتۇرۇلماق

ئومۇملاشماق

ئومۇملۇق

ئومۇمىي

ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

ئومۇمىيەت

ئومۇمىيەتچىل

ئومۇمىيلىق

ئومۇميۈزلۈك

ئومۇميۈزلۈكلۈك

ئومۇندۇرماق

ئومۇنماق

ئومۇنۇشماق

ئون

ئون بېشى بولسىمۇ

ئون جېنى بولسىمۇ

ئون جېنىنىڭ بىرى قالماق

ئون سەككىز مىڭ ئالەم

ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان

ئونلار خانىسى

ئون ئىككى مۇقام

ئون ئىككى مۈچەل

ئونەيلەن

ئونبېشى

ئونتولوگىيە

ئونلاپ

ئونلۇق

ئونلۇق كەسىر

ئونىنچى

ئوھۇ

ئوھۇي

ئوئۇگۇييا

ئوۋ

ئوۋچى

ئوۋچىلىق

ئوۋلاتماق

ئوۋلاشماق

ئوۋلانماق

ئوۋلىماق

ئوۋۇش

ئويⅠ

ئويⅡ

ئويپاڭ

ئويپاڭلىق

ئوي-پىكىر

ئويچان

ئويچانلىق

ئوي-چوڭقۇر

ئويچى

ئوي-خىيال

ئوي-دوڭغۇل

ئويدۇرما

ئويدۇرماق

ئويدۇرمىچى

ئويدۇرمىچىلىق

ئوي-دۆڭ

ئويرات

ئويغاتقۇچى

ئويغاتقۇزماق

ئويغاتماق

ئويغاق

ئويغاقلىق

ئويغانماق

ئويغىتىشماق

ئويغىتىلماق

ئويغىنىشماق

ئويلاتماق

ئويلاتماقⅡ

ئويلاشماق

ئويلانماق

ئويلۇق

ئويلىشىلماق

ئويلىماق

ئويلىنىلماق

ئويما

ئويمات

ئويماتلاشماق

ئويماقⅠ

ئويماقⅡ

ئويماقسىز

ئويماقلىق

ئويمان

ئويمان-چوڭقۇر

ئويمان-دۆڭ

ئويمانلىق

ئويمىچى

ئويمىچىلىق

ئويمىكار

ئويمىكەش

ئويمىكەشلىك

ئويناتماق

ئويناش

ئويناشماق

ئويناق

ئويناقلاتماق

ئويناقلاشماق

ئويناقلىق

ئويناقلىماق

ئوينالماق

ئوينىغۇچⅠ

ئوينىغۇچⅡ

ئوينىغۇچ يىپى

ئوينىماق

ئويۇشماق

ئويۇق

ئويۇقⅡ

ئويۇقچە

ئويۇلماق

ئويۇم

ئويۇن

ئويۇن چىقارماق

ئويۇندىن چىڭغا چىقماق

ئويۇن قويماق

ئويۇن قېپى

ئويۇن قىلماق

ئويۇن كۆرسەتمەك

ئويۇنپەرەس

ئويۇن-تاماشا

ئويۇنچا

ئويۇن-چاقچاق

ئويۇنچۇق

ئويۇنچى

ئويۇنخانا

ئويۇن-كۈلكە

ئىزاھى

ئو

  • ئو[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن يىگىرمە بەشىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.

  • «ئو» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «ئو∥و»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «ئو».

  • «ئو» تاۋۇشى تەلەپپۇز قىلغاندا پەيدا بولۇش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن سوزۇق تاۋۇشقا تەۋە بولۇپ، ئۇ تىل ئورنى ۋە تىلدىكى رولى جەھەتتىن تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشى، لەۋ ھالىتى جەھەتتىن لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئېچىلىش-يېپىلىش دەرىجىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى جەھەتتىن سەل ئېگىز سوزۇق تاۋۇشقا كىرىدۇ.

ئوبدان

  • ئوبدان[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياخشى، ئېسىل، بەلەن:[مىسال:] قوغۇننىڭ ئوبدىنى ئۇزۇن پېلەكتە، چىشنىڭ ئوبدىنى تۆۋەن ئېڭەكتە (ماقال). * ئوبدىنى كالا، يامىنى توڭگۇز (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] راسا، دەل ۋاقتىدا، تازا، خوپ:[مىسال:] بۇنى تېخى بىراۋغا سۆزلەپ بەرگىم كېلىپ ئولتۇراتتىم، ئوبدان كەپسىز. ∥ كېلىڭ، سىڭلىم، تازىمۇ ئوبدان ۋاقىتتا كەپسىز، دېدى ئۇ سانىيەنى قىزغىن كۈتۈپ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] «بولىدۇ»، «ماقۇل»، «خوپ» دېگەن مەنىلەردە رازىلىقنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئوبدان، شۇنداق قىلسۇن، دېدى ھاپىزئاخۇن كۈلۈمسىرەپ.

ئوبدانچاق

  • ئوبدانچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ياخشىچاق»قا قاراڭ.

ئوبدانچاقلىق

  • ئوبدانچاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ياخشىچاقلىق»قا قاراڭ.

ئوبدانچىلىق

  • ئوبدانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوبدان، ياخشى ئەھۋال، ھەممە ئىشلار كۆڭۈللۈك بولغان ھالەت:[مىسال:] كۆرسىلە بۇ ئوبدانچىلىقنى؟

ئوبدانلاشماق

  • ئوبدانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئوبدان ھالەتكە كەلمەك، ئوبدان، ياخشى بولماق:[مىسال:] بۇ بالىنىڭ كەپسىزلىكى تۈگەپ، ئوبدانلىشىپ قېلىپتۇ ئەمدى، دېدى ئەيسا ئاكام خەيرىنساخانغا.[يەشمىسى:] ② ياراشماق، يارىشىپ قالماق:[مىسال:] ئۇلار «ئىككى بالىدا گۇناھ يوق، ئوبدانلىشىپ قالسۇن» دەپ تالاي قېتىم ئادەم ئەۋەتتى.

ئوبدانلىق

  • ئوبدانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېسىللىق، بەلەنلىك، ياخشىلىق:[مىسال:] ئۆزلىرىنىڭ بويلىرى يېكەن-قومۇشتەك، خۇيلىرىنىڭ ئوبدانلىقى، ئالتۇن-كۈمۈشتەك.

ئوبدانلىماق

  • ئوبدانلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئوبدان ھالەتكە كەلمەك، ئوبدان بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئەھۋالى خېلى ئوبدانلاپ قالدى.

ئوبراز

  • ئوبراز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى كۇپىيىسى:[مىسال:] ئوبراز ئارقىلىق تەپەككۇر قىلماق. ئوبرازىغا شەك كەلتۈرمەك.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] يازغۇچىنىڭ كۈزىتىش، تاللاش، پىششىقلاش ۋە يۇغۇرۇشىدىن كېلىپ چىققان تۇرمۇش مەنزىرىسى.

ئوبرازچانلىق

  • ئوبرازچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رېئال تۇرمۇشنىڭ جانلىق، كونكرېت ۋە كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى قوزغاش، كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇشى.

ئوبرازلاشتۇرماق

  • ئوبرازلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئوبرازلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوبرازلاشتۇرۇش

  • ئوبرازلاشتۇرۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە يارىتىلغان بەدىئىي ئوبرازنىڭ ئېنىقلىق، جانلىقلىق ۋە كونكرېتلىققا يەتكۈزۈلۈش جەريانى.

ئوبرازلاشتۇرۇشماق

  • ئوبرازلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ئوبرازلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئوبرازلاشتۇرۇلماق

  • ئوبرازلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئوبرازلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئوبرازلاشماق

  • ئوبرازلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىپىك، چۈشىنىشلىك ھالەتكە كەلمەك، ئوبراز ئارقىلىق ئىپادىلەنمەك، تىپىكلەشمەك، ئېنىق ھەم روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولماق:[مىسال:] ئۇزۇنراق ئۆمۈر سۈرىدىغان تىل بىرەر شەيئىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان، ئوبرازلاشقان تىلدۇر، يەنى شېئىرىي تىلدۇر.

ئوبرازلىق

  • ئوبرازلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم ئوبرازلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ياكى بېرىلىدىغان، ئوبرازلاشقان:[مىسال:] ئوبرازلىق تەپەككۇر. ئوبرازلىق تەسەۋۋۇر. ئوبرازلىق پىكىر. ئوبرازلىق تىل.

ئوبزور

  • ئوبزور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] مەلۇم مەسىلە ياكى ۋەقە توغرىسىدىكى باھا ئاساسلىق بايان قىلىنىدىغان بىر خىل ئەسەر.

ئوبزورچى

  • ئوبزورچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گېزىت، ژۇرناللارغا ئوبزور يېزىپ تۇرىدىغان كىشى، يازغۇچى.

ئوبزورچىلىق

  • ئوبزورچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوبزور يېزىپ تۇرۇش ئىشى، كەسپى.

ئوبكوم

  • ئوبكوم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] «ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى» نىڭ قىسقارتىلمىسى.

ئوبلاست

  • ئوبلاست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① بىرقانچە رايون ياكى ناھىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەمۇرىي بىرلىك.[يەشمىسى:] ② ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ مەركىزى:[مىسال:] ئىدارە باشلىقى ئوبلاستقا مەجلىسكە كەتكەن كۈنى ئۇلار كېلىپ قالدى.

ئوبلاستلىق

  • ئوبلاستلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئوبلاست دەرىجىلىك، ئوبلاستقا ۋەكىللىك قىلىدىغان؛ئوبلاست خاراكتېرىدىكى:[مىسال:] ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى.[يەشمىسى:] ② ئوبلاستقا قارايدىغان، ئوبلاستنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا ئىش ئېلىپ بارىدىغان، ئوبلاستقا تەۋە:[مىسال:] ئوبلاستلىق ئاياللار بىرلەشمىسى. ئوبلاستلىق تېرە-يۇڭ شىركىتى.

ئوبوروت

  • ئوبوروت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] تاۋارنى پۇلنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قولدىن قولغا ئۆتكۈزۈش ھەرىكىتى ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۇلنى قولدىن قولغا ئۆتكۈزۈش ھەرىكىتى. ئۇ تاۋار ئوبوروتى بىلەن پۇل ئوبوروتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئوبۇ

  • ئوبۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ياغاچتىن ياسالغان يەللىك چالغۇ ئەسۋابى. ئۇ پى-پى، گەۋدە ۋە كاناي ئاغزىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. پۈۋلەيدىغان يېرىدە قومۇش شۆپۈكىدىن ياسالغان ئىككى ياپراقلىق پى-پىسى بولىدۇ.

ئوبىسدىئان

  • ئوبىسدىئان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئەينەكلىك بىر خىل ئېتىلما جىنس. پۈتۈنلەي دېگۈدەك يانار تاغ ئەينىكىدىن تەشكىللەنگەن. ئادەتتە قارا كۈل رەڭ بولۇپ، ئوچۇق ئەينەك پارقىراقلىقىغا ۋە سەدەپسىمان ئۈزۈلۈش يۈزىگە ئىگە. ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە بېزەك بۇيۇملىرىنىڭ خام ئەشياسى بولالايدۇ.

ئوبيوم

  • ئوبيوم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] سىغىم؛ ھەجىم.

ئوبيېكت

  • ئوبيېكت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] بىزدىن تاشقىرى ۋە ئېڭىمىزغا باغلىق بولمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بارلىق، ماددىي دۇنيا، مەۋجۇدىيەت. سۇبيېكتنىڭ ئەكسى.[يەشمىسى:] ② كىشىنىڭ پائالىيىتى، دىققەت-ئېتىبارى قارىتىلغان ھادىسە، نەرسە ياكى ئادەم:[مىسال:] تەنقىدنىڭ ئوبيېكتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپتىن بىرى (بىر-بىرىگە نىسبەتەن):[مىسال:] ئۇ قىزنىڭ ئوبيېكتى بارمىكەن

ئوبيېكتىپ

  • ئوبيېكتىپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ① ئاڭدىن تاشقىرى بولغان ۋە ئاڭغا، كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ قارىشىغا بېقىنمىغان، باغلىق بولمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، «سۇبيېكتىپ» نىڭ ئەكسى:[مىسال:] ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت. ئوبيېكتىپ شارائىت. ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەت. ئوبيېكتىپ رېئاللىق.[يەشمىسى:] ② نەرسە ۋە ھادىسىلەرنىڭ ئەسلىي قىياپىتى بويىچە تەھلىل قىلىپ چىقىرىلغان، شەخسىي ھېسسىيات ئارىلاشتۇرۇلمىغان، بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي، دۇرۇس، ھەقىقىي:[مىسال:] ئوبيېكتىپ باھا. ئوبيېكتىپ خۇلاسە.

ئوبيېكتىپلىق

  • ئوبيېكتىپلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاڭدىن تاشقىرى بولۇش ۋە ئاڭغا بىۋاسىتە باغلىق بولماسلىق.

ئوبيېكتىۋىزم

  • ئوبيېكتىۋىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئوبيېكتىپ ۋەقەلىكنى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ۋەقە، ھادىسە ۋە پاكىتلارنى پاسسىپ، يۈزەكى، بىرتەرەپلىمە ئىنكاس قىلىش.

ئوپال

  • ئوپال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال، يەنى تەبىئىي سىلتسىي ئوكسىد قېتىشمىسى.تەركىبى تۇراقسىز، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا34% كە يېتىدۇ. ئادەتتە كرىستالسىز ماددا دەپ قارىلىدۇ. كۆپىنچە زىچ كاللەك، بەزىدە قوڭغۇراقسىمان ھالەتتە بولىدۇ. رەڭگى ئوخشاش ئەمەس، كۆپ ھاللاردا تۇخۇم ئېقى رەڭگىدە بولىدۇ. تەركىبىدە ئارىلاشمىلار بولغاندا ھەر خىل رەڭلەردە كۆرۈنىدۇ، ئەينەك پارقىراقلىقىغا ئىگە. كۆپ تۆشۈكلۈك كاللەكلىرى موم پارقىراقلىقىغا ئىگە، قاتتىقلىقى 5 — 5.5.[يەشمىسى:] سۇنۇق يۈزى قۇلۇلە قېپى ھالىتىدە بولىدۇ.

ئوپپۇرتۇنىزم

  • ئوپپۇرتۇنىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئىشچىلار ھەرىكىتى داۋامىدا پرولېتارىيات سىنىپىنىڭ مەنپەئىتىنى بۇرژۇئازىيە مەنپەئىتىگە بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان، بۇرژۇئازىيە بىلەن كېلىشىم، ھەمكارلىق تۈزۈشكە، سىنىپىي كۈرەش، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىدىن ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلىدىغان سىياسىي ئېقىم.

ئوپپۇرتۇنىست

  • ئوپپۇرتۇنىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئوپپۇرتۇنىزم تەرەپدارى، ئوپپۇرتۇنىزم سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى شەخس.

ئوپتىكا

  • ئوپتىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] فىزىكىنىڭ بىر تارمىقى. يورۇقلۇقنىڭ پەيدا بولۇشى، تارقىلىشى ھەمدە يورۇقلۇقنىڭ ھەر خىل ماددىلار بىلەن بولغان ئۆزئارا تەسىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ.

ئوپتىكىلىق

  • ئوپتىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئوپتىكا ھادىسىلىرىگە ئائىت؛ ئوپتىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان:[مىسال:] ئوپتىكىلىق ئەينەك. ئوپتىكىلىق زىچ مۇھىت. ئوپتىكىلىق شالاڭ مۇھىت.

ئوپتىمېتىر

  • ئوپتىمېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئوپتىكىلىق قائىدىلەردىن پايدىلىنىپ ياسالغان، كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش، ئۆلچەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلارنىڭ ئومۇمىي نامى.

ئوپتىمىزم

  • ئوپتىمىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] كېلەچەككە، ئومۇمەن ھەربىر ئىشقا ئىشەنچ بىلەن قاراش؛ ھەربىر نەرسىنىڭ ياخشى ۋە پارلاق تەرەپلىرىنى كۆرۈشكە مايىللىق.

ئوپتىمىست

  • ئوپتىمىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئوپتىمىزم روھى بىلەن سۇغىرىلغان، ھەر نەرسىگە، ھاياتقا تولۇق ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان، ئۇنىڭدىن زوقلىنىدىغان كىشى.

ئوپقان

  • ئوپقان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يەپ تويمايدىغان، ئالدىغا كەلگەننىڭ ھەممىسىنى يەپ كېتىدىغان؛ ئاچ كۆز:[مىسال:] ئوپقان ئادەم. ∥مەن ساڭا ئوچۇقىنى ئېيتسام، بۇ يەر ھازىر ئادەم يۇتىدىغان ئوپقانغا ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ.

ئوپقانلىق

  • ئوپقانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالدىغا كەلگەننىڭ ھەممىسىنى يېيىش، يەپ تويماسلىق.

ئوپۇر

  • ئوپۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① ئويمان، ئازگال.[يەشمىسى:] ② چاناق.

ئوپۇر-توپۇر

  • ئوپۇر-توپۇر[يەشمىسى:] ① بىرقانچە ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ جىددىي ھەم ئالدىراشلىق بىلەن قىلغان قالايمىقان ھەرىكىتىدىن ھاسىل بولغان ئاۋازلار ۋە شۇنداق ھالەت:[مىسال:] ئابدۇللا روزى سىرتتىكى ئوپۇر-توپۇرلارغا دىققەت قىلىپ ئولتۇراتتى.[يەشمىسى:] ② ئالدىراپ-سالدىراپ، جىددىي ھالدا، تۇيۇقسىز، ئۇشتۇمتۇتلا:[مىسال:] ئۇلار ئوپۇر-توپۇر يېتىپ كېلىشتى.

ئوپۇرماق

  • ئوپۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تېگىگە يەتمەك، پەملىمەك، بىلمەك:[مىسال:] ئوقەت قىلساڭ ئوپۇرۇپ قىل.

ئوپۇرۇلماق

  • ئوپۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئوپۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئوپۇل-توپۇل

  • ئوپۇل-توپۇل[يەشمىسى:] ئالدىراپ-تېنەپ، ھاپىلا-شاپىلا؛ ئۇشتۇمتۇت، تۇيۇقسىز، بىردىنلا:[مىسال:] مەن ئوپۇل-توپۇل رومكىنى كۆتۈرۈۋەتتىم.

ئوپېرا

  • ئوپېرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] شېئىرىي خۇسۇسىيەت بىلەن دراماتىك ۋەزىپە ئورگانىك ھالدا بىرىكىپ يېزىلغان دراما.

ئوپېراتسىيە

  • ئوپېراتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] بەزى كېسەللىكلەرنى داۋالاش مەقسىتىدە كېسەللەنگەن جاينى خىرۇرگىيە يولى بىلەن يېرىش، كېسىش، تىكىش:[مىسال:] ئوپېراتسىيە قىلماق. ئوپېراتسىيە ئۆيى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] بىرەر مەقسەتنى كۆزلەپ ياكى بىرەر ۋەزىپىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان جەڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ يىغىندىسى.

ئوپېراتور

  • ئوپېراتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] كىنو-فىلىملەرنى سۈرەتكە ئالغۇچى كىشى.

ئوپېراتورلۇق

  • ئوپېراتورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىنو-فىلىملەرنى سۈرەتكە ئېلىش ئىشى ۋە كەسپى.

ئوپېرالاشتۇرماق

  • ئوپېرالاشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئوپېراغا ئايلاندۇرماق، ئوپېرا شەكلىدە قايتا يېزىپ چىقماق، ئوپېراغا ئۆزگەرتمەك.

ئوپېرالاشتۇرۇلماق

  • ئوپېرالاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئوپېرالاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئوتⅠ

  • ئوتⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئومۇمەن غولى ياغاچلاشمايدىغان، ئوتخور ھايۋانلار يەيدىغان ئۆسۈملۈكلەر؛ گىياھ، چۆپ.

ئوتⅡ

  • ئوتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ياغاچ، گاز، ماي قاتارلىق كۆيىدىغان نەرسىلەرنىڭ بەلگىلىك ئىسسىقلىق ۋە يورۇقلۇق چىقىرىپ كۆيۈش جەريانى، يانغىن، ئاتەش:[مىسال:] بىر قولۇڭغا ئوت ئېلىپ يۈر، بىر قولۇڭغا سۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] شىددەت بىلەن ياندۇرۇلغان، ئۈزلۈكسىز ھالدا كۆپلەپ ئېتىلغان ئوقلار:[مىسال:] پوتەيلەر، ئاكوپلاردىكى ئەسكەرلەر توختاۋسىز ئوت ئاچماقتا ئىدى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەشنالىق بىلەن سېغىنىش، ياد ئېتىش، تەقەززا بولۇش، كۈچلۈك ئىشتىياق؛ ھەددىدىن تاشقىرى قىزىقىش، مايىل بولۇش، ئامراق بولۇش، مۇھەببەت:[مىسال:] چىرايلىقنىڭ ئوتى يامان، سەتنىڭ ھالى (ماقال).[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئېغىر بالايىئاپەت؛ قاتتىق روھىي ئازاب، دەرد-ھەسرەت، ئاچچىق ئەلەم، ئېغىر قايغۇ-ھەسرەت:[مىسال:] مېنى بىر ئوتنىڭ ئىچىگە تىقىپ قويۇپتىكەنسىز، دېدى سەلەي خېلىلا يۇمشاپ. * ئۇ يەنە ھېلىقى بىچارىنى ئوتقا ئىتتەردى.

ئوت ئاچماق

  • ئوت ئاچماق[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] قارشى تەرەپكە قارىتىپ مىلتىق، زەمبىرەكلەرنى ئاتماق، ھۇجۇم ياكى جەڭ باشلىماق:[مىسال:] بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ بۇ زالىم تاجاۋۇزچىلارغا ئوت ئېچىش بىزنىڭ چىقىش يولىمىز.

ئوت ئالماق

  • ئوت ئالماق[يەشمىسى:] ① ئوت تۇتاشماق، ئوت يانماق، كۆيمەك:[مىسال:] ماتور گۈرۈلدەپ ئوت ئالدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئوتتەك قىزارماق:[مىسال:] يۈزلىرى ئوت ئېلىپ، ئاناردەك قىزىرىپ كەتكەنىدى.

ئوت بىلەن سۇدەك

  • ئوت بىلەن سۇدەك[يەشمىسى:] قەتئىي چىقىشالمايدىغان، بىر-بىرىنى قاتتىق يامان كۆرىدىغان، ئۆچ-ئاداۋىتى بار كىشىلەرگە قارىتا ئېيتىلىدىغان ئىبارە:[مىسال:] ئەمەت بىلەن قاسىمنى دەمسىلەر، ئۇ ئىككىسى ئوت بىلەن سۇدەك تۇرسا، دېدى بىرەيلەن گەپ قوشۇپ.

ئوت بىلەن ئويناشماق

  • ئوت بىلەن ئويناشماق[يەشمىسى:] ناھايىتى خەتەرلىك، ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىشقا تۇتۇش قىلماق:[مىسال:] سىلەر ئوت بىلەن ئوينىشىۋاتىسىلەر، مەن، نامان ئاكا، سىلەردىن خۇش بولاي، مېنى ئۆزۈڭلارغا چاتماڭلار.

ئوتقا ياغ چاچماق

  • ئوتقا ياغ چاچماق[يەشمىسى:] بىرەر يامان ئەھۋالغا قارىتا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، يامان ئەھۋالنى تېخىمۇ يامان قىلىۋەتمەك:[مىسال:] كۆپچىلىك پەرەز قىلىشقاندەك، بۇ ئېلان ئوتقا ياغ چاچتى، سەۋر-تاقەتنى تۈگىتىۋەتتى.

ئوت قويماق

  • ئوت قويماق[يەشمىسى:] ① ئوت يېقىپ كۆيدۈرمەك، كۆيدۈرۈپ يوقاتماق:[مىسال:] ئۇ كەپىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتمەك، تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرماق، تېخىمۇ يامان قىلىۋەتمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى مېنىڭ غەزىپىمگە تېخىمۇ ئوت قويۇۋەتتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىزىقىش، ئىشتىياق ياكى تەقەززالىق پەيدا قىلماق:[مىسال:] يۈرىكىمگە ئوت قويغان كىمسەن بالام دەپ زار-زار يىغلاپتۇ ئانا.

ئوت قۇيرۇق

  • ئوت قۇيرۇق[يەشمىسى:] بالا-قازا تېرىيدىغان، قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان، جېدەل پەيدا قىلىدىغان:[مىسال:] ئوت قۇيرۇق ئادەم.

ئوت قۇيرۇقلۇق

  • ئوت قۇيرۇقلۇق[يەشمىسى:] قۇتراتقۇلۇق قىلىش، بالا- قازا پەيدا قىلىش ھەرىكىتى.

ئوت كەتمەك

  • ئوت كەتمەك[يەشمىسى:] ① ئوت تۇتىشىپ كۆيۈپ كەتمەك. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تېمپېراتۇرا بەك ئۆرلەپ ئىسسىق بولۇپ كەتمەك، ھاۋا بەك قىزىپ كەتمەك:[مىسال:] ھاۋا نېمىدېگەن ئىسسىق، ئوت كېتىپتۇ زادى، دېدى ئەكبەر. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر مالنىڭ بەك بازىرى چىقىپ كەتمەك، خېرىدارلار بەس-بەستە تالىشىپ سېتىۋالماق:[مىسال:] مەن ئەكەلگەن قوغۇنلارغا ئوت كەتتى، دەڭا، كىرىپ يېرىم سائەتكە قالماي ھەممىنى سېتىپ بولدۇم، دېدى ئۇ كېرىلىپ كۈلۈپ. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نەرخ-ھاۋا بىردىنلا ئۆرلەپ كەتمەك:[مىسال:] يارەببىم، بۈگۈن بازارغا ئوت كېتىپتىغۇ، ئۆسۈپ كەتمىگەن ھېچنىمە قالماپتۇ.⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىشق-مۇھەببەت تەشنالىقى ئۆرلىمەك، ھەددىدىن ئارتۇق تەقەززا بولماق، ئىشتىياق قاتتىق ئۆرلىمەك:[مىسال:] كاككۇكلار كېلىپ قاپتۇ، ياپيېشىل تېرەكلەرگە. يارىمنى خىيال قىلسام، ئوت كەتتى يۈرەكلەرگە.

ئوت ئېتىقادچىلىقى

  • ئوت ئېتىقادچىلىقى[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] قەدىمكى زاماندا ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپلەردە تارقالغان بىر خىل دىن. ھازىر ئىراننىڭ قىسمەن رايونلىرى ۋە ھىندىستاندىكى بومبايدا ئۇنىڭ ئاز ساندىكى مۇرىتلىرى بار. بۇ دىن «دۇنيانىڭ بىر-بىرىگە قارىمۇقارشى ئىككى مەنبەسى بار، ئۇلار كۈرەش قىلىپ تۇرىدۇ: بىر مەنبە — ياخشىلىق، ئۇنىڭ سىمۋولى يورۇقلۇق ئىلاھى خۇرۇمازدا، يەنە بىر مەنبە — يامانلىق، ئۇنىڭ سىمۋولى جاھالەت ئىلاھى ئاگروماينوس؛ ئوت ياخشىلىق ۋە يورۇقلۇققا ۋەكىللىك قىلىدۇ» دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇ «مۇقەددەس ئوت» قا چوقۇنۇشنى ئاساسىي مۇراسىم قىلىدۇ.

ئوتى بار

  • ئوتى بار[يەشمىسى:] يېقىملىق، كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان، ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان، ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان:[مىسال:] گۈلەندەم خېلىلا ئوتى بار قىز ئىدى.

ئوتى بېسىلماق

  • ئوتى بېسىلماق[يەشمىسى:] دەرد-ئەلىمى پەسكويغا چۈشمەك؛ سېغىنىشى پەسەيمەك:[مىسال:] بالىنىڭ ئوتى بېسىلغاندا ئوڭشىلىپ قالىدۇ، تۇردىخان، خاپا بولۇپ كەتمە، دېدى ئۇ تەسەللى بېرىپ.

ئوت يۈرەك

  • ئوت يۈرەك[يەشمىسى:] ئىنتايىن قىزغىن؛ قەھرىمان، باتۇر:[مىسال:] بىزنىڭ ئوت يۈرەك ياشلىرىمىز ناھايىتى غايىلىك چوڭ بولۇۋاتىدۇ.

ئوتاتماق

  • ئوتاتماق[يەشمىسى:] «ئوتىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوتاچى

  • ئوتاچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] تېۋىپ، دوختۇر.

ئوتاشماق

  • ئوتاشماق[يەشمىسى:] «ئوتىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئوتاقⅠ

  • ئوتاقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زىرائەت ئارىسىغا ئۈنگەن تۈرلۈك ئوت-چۆپلەرنى ئوتاش، يۇلۇپ تاشلاش:[مىسال:] ئۇلار ئەتىگەندىلا ئېتىزلىققا ئوتاققا چىقىپ كەتكەنىدى.

ئوتاقⅡ

  • ئوتاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چارۋىچىلار ياكى كۆچمەنلەرنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇشى ئۈچۈن ياسالغان تۇرالغۇ، ۋاقىتلىق ئۆي:[مىسال:] ئايدا ئوتاق بولماپتۇ، يىلدا قوشنا (ماقال).

ئوتاقچى

  • ئوتاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زىرائەتلەردىكى ئوت-چۆپلەرنى ئوتايدىغان ئادەم:[مىسال:] چۈشكە يېقىن ئوت ئوتاۋاتقان ئوتاقچىلارمۇ قايتىپ كەلدى. ∥پاختىزاردا ئىشلەيدۇ تىنماي، ئىشتا چېۋەر ئوتاقچى قىزلار؛ شوخ ناخشىنى ياڭرىتار كۆكتە، ئىشنى كۈيلەپ قوشاقچى قىزلار.

ئوتالغۇ

  • ئوتالغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئوتاقⅡ»گە قاراڭ.

ئوتالماق

  • ئوتالماق[يەشمىسى:] «ئوتىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئوت-بوغۇز

  • ئوت-بوغۇز[يەشمىسى:] ئوت ۋە بوغۇز، ئومۇمەن چارۋا-ماللار يەيدىغان تۈرلۈك يېمەكلىكلەر:[مىسال:] 18 ھارۋىدا ئوت-بوغۇز، ئون ھارۋىدا يېمەك-ئىچمەك بار ئىدى.

ئوتپەرەس

  • ئوتپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوتقا چوقۇنغۇچى.

ئوت-پىراق

  • ئوت-پىراق[يەشمىسى:] ئوت ۋە پىراق، ئومۇمەن ئىشق-مۇھەببەت دەردى.

ئوتتاش

  • ئوتتاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئوت+تاش[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] كۆيدۈرۈلگەن ھاك بىلەن كوكسنى توك ئوچىقىغا سېلىپ قىزدۇرۇش ئارقىلىق ئېلىنىدىغان كۈل رەڭ، كاللەك ھالەتتىكى ماددا، خىمىيىۋى تەركىبى كالتسىي كاربىد سانائەتتە ئاتسىتلىن ئېلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ئوتتۇرا

  • ئوتتۇرا[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر دائىرىنىڭ دەل مەركىزىي نۇقتىسى، مەركەز:[مىسال:] قەسىر ئوتتۇرىسىدا بىر كۆل تۇرغۇدەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسىملارنى ئېنىقلاپ «مەركىزىي، مەركىزىي قىسىمدىكى، مەركىزىگە جايلاشقان، ئارىسىدىكى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئوتتۇرا ئاسىيا. ئوتتۇرا جۇڭگو. ئوتتۇرا ئافرىقا. ئوتتۇرا قول. ئوتتۇرا ئىشىك.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەلگىلىك ئۇزۇنلۇققا ئىگە نەرسىلەرنىڭ ئىككى چېتى ياكى ئۇچىدىن تەڭ ئارىلىقتا بولغان نۇقتىسى:[مىسال:] يىراقتا كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئەسكەرلەر توسۇۋېلىپ، مىلتىقلىرىغا تايىنىپ تۇرۇشاتتى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسىلەرنىڭ ئارىلىق قىسمى:[مىسال:] ئۇ مەشۇقى مەلىكە بۈدۈرنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىرنى سۆيۈپتۇ.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر جايدىكى كىشىلەر ياكى نەرسىلەرنىڭ ئارىسى، قورشاۋ:[مىسال:] ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار دەررۇ ئاسىمنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا نېمىنىدۇر دېيىشمەكچى بولۇشتىيۇ، دېمىدى.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىشى تەخمىنەن تەڭ ئۇزاقلىقتىكى ۋاقىت، يېرىم:[مىسال:] بىر يىلى قىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىبراھىم ئاكا تۇرسۇن بىلەن گەپ تەگىشىپ قالدى.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەممە كىشى ياكى بىرنەچچە كىشى تەڭ پايدىلىنىدىغان، تەڭ شېرىك:[مىسال:] بىرنەچچە ئىش ھايۋانلىرى، ئىككى دانە سوقا، بىردانە ئورما ماشىنىسى ۋە بىرمۇنچە ئۇششاق جابدۇقلار بىردىنلا كۆپچىلىكنىڭ ئوتتۇرىدىكى مۈلكى بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئۇ، بۇ، شۇ..»قاتارلىق كۆرسىتىش ئالماشلىرى بىلەن بىللە كېلىپ «ئەتراپ، كۆرسىتىلگەن جايغا يېقىن يەر، ئۆپچۆرە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بۇ ئوتتۇرىدا ئۇنداق ئېسىل بىنا يوق.[يەشمىسى:] ⑨ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر پائالىيەت، تۈر ياكى ھال-ئەھۋالغا نىسبەتەن دەرىجە جەھەتتىن يۇقىرىمۇ ئەمەس، تۆۋەنمۇ ئەمەس بولغان، ئارىلىقتىراق تۇرىدىغان:[مىسال:] ئوتتۇرا مەكتەپ. * ئۇ ئوتتۇرا بويلۇق، كېلىشكەن ئادەم ئىدى.[يەشمىسى:] 01 [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى ياكى بىرنەچچە كىشى ئارىسى، ئارا:[مىسال:] نادىر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ھېچقانداق يامان ئىش ئۆتۈلگىنى يوق. *ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ھايات-ماماتلىق كۈرىشىدۇر.[يەشمىسى:] 11 [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر ۋەقە ياكى ھادىسە پەيدا بولىدىغان ياكى بولغان پەيت، مەزگىل:[مىسال:] ئوتتۇرىدىن 15 كۈن ئۆتۈپ كەتتى.21 [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەيدان، سەھنە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئورۇن:[مىسال:] قادىر ئورنىدىن تۇرۇپ سالماق قەدەم بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئوتتۇرا ئەسىر

  • ئوتتۇرا ئەسىر[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] مىلادىيە 476-يىلى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ئاغدۇرۇلغاندىن تارتىپ 1640-يىلىدىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىغىچە بولغان دەۋر ياۋروپادا «ئوتتۇرا ئەسىر»دەپ ئاتىلىدۇ. دۆلىتىمىز تارىخىدىكى دەۋر بۆلۈنۈشىدە ۋېي-جىن، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالە، سۈي-تاڭ دەۋرلىرى ئوتتۇرا ئەسىر دەپ ئاتىلىدۇ.

ئوتتۇرا دولقۇن

  • ئوتتۇرا دولقۇن[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 200 دىن 3000 مېتىرغىچە بولغان رادىئو دولقۇنى. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى يەر يۈزىدە بىۋاسىتە تارقىلالايدۇ.

ئوتتۇرا قولدەك

  • ئوتتۇرا قولدەك[يەشمىسى:] قاۋۇل، ياراملىق، راۋۇرۇس، ئېسىل:[مىسال:] ئاڭلىساق، مۇشۇ قۇمباشتىنلا ئوتتۇرا قولدەك يىگىتلەردىن ئوننى تۇتۇپ كېتىپتۇ.

ئوتتۇرا مەكتەپ

  • ئوتتۇرا مەكتەپ[يەشمىسى:] ياش ئۆسمۈرلەرگە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ تەربىيىسى ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپ. ئادەتتە ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن ئالىي مەكتەپ ئارىلىقىدىكى بىر باسقۇچ.

ئوتتۇرا ھايات ئېراسى

  • ئوتتۇرا ھايات ئېراسى[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] گېئولوگىيىلىك يىلنامىنىڭ تۆتىنچى ئېراسى. تەخمىنەن 230 مىليون يىل بۇرۇن باشلىنىپ، 67 مىليون يىل بۇرۇن ئاياغلاشقان.

ئوتتۇرا يولدا

  • ئوتتۇرا يولدا[يەشمىسى:] يېرىمىدا، تولۇق ئاخىرلاشماستىنلا، باشلىنىپ ئايىغى چىقمايلا:[مىسال:] بۇ ئىش ئۇنچىلىك مۇھىم ئەمەس. شۇڭا ئوتتۇرا يولدا توختىتىپ قويدۇم.

ئوتتۇرىغا چىقماق

  • ئوتتۇرىغا چىقماق[يەشمىسى:] ① مەيدانغا چىقماق، ئۆزىنى نامايان قىلماق، ئۆزىنى كۆرسەتمەك.[يەشمىسى:] ② سادىر بولماق، كۆرۈلمەك:[مىسال:] ھازىر باشقا بىر ئىش، سىز دېگەن ئۇ ئىشتىنمۇ جىددىيرەك بىر ئىش، ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئوتتۇرانچى

  • ئوتتۇرانچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈچ بالىنىڭ ئىككىنچىسى، يەنى چوڭىدىن كىچىكى ياكى كىچىكىدىن چوڭى:[مىسال:] ئوتتۇرانچى ئوغلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتىدۇ.

ئوتتۇرىچە

  • ئوتتۇرىچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ھەجىم، مىقدار، سۈپەت، دەرىجە قاتارلىقلاردا ئوتتۇرا ھال ئورۇندا تۇرىدىغان؛ ياخشىدىن تۆۋەن، ياماندىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان:[مىسال:] پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىز مىقياسىدىن ئېيتقاندا، ئېنېرگىيە سەرپىياتى مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە سەۋىيىدىن يەنىلا يۇقىرى.[يەشمىسى:] ② ئوتتۇرا ھېساب بىلەن، ئوتتۇرا ھېسابتا:[مىسال:] پوستلاقنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى 2.5 م م كېلىدۇ.

ئوتتۇرىلاشماق

  • ئوتتۇرىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېرىملاشماق، ئوتتۇرا بولماق (سىغىم، ھەجىم ياكى مەزگىل ھەققىدە).

ئوتتۇرىلىق

  • ئوتتۇرىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئارىلىقⅠ»قا قاراڭ:[مىسال:] بۇ ئوتتۇرىلىقتا كەڭ كەتكەن بىر سايلىق بار ئىدى.

ئوتتۇز

  • ئوتتۇز[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] ئوننىڭ ئۈچ قېتىم قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان، 29 دىن چوڭ، 31 دىن كىچىك بولغان پۈتۈن سان:[مىسال:] 30 دانە ئالما.

ئوتتۇز ئوغۇل

  • ئوتتۇز ئوغۇل[يەشمىسى:] كۆپچىلىك، يىگىتلەر:[مىسال:] مەن ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ ئالدىدا ۋەدە بەرگەنمەن، دېگىنىمنى قىلماي قويمايمەن.

ئوتتۇزبېشى

  • ئوتتۇزبېشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[قۇرۇلمىسى:]]ئوتتۇز+باش+ى[[يەشمىسى:] تارىختىكى ھەربىي ئەمەل نامى. ئوتتۇز ئەسكەردىن تەركىب تاپقان ھەربىي ئەترەتنىڭ باشلىقى.

ئوتتۇزىنچى

  • ئوتتۇزىنچى[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] سان ياكى دەرىجە جەھەتتە 29-دىن كېيىن، 31-دىن بۇرۇن تۇرىدىغان؛ سان تەرتىپى «30» رەقىمى بىلەن ئىپادىلەنگەن:[مىسال:] ئوتتۇزىنچى نومۇرلۇق ياتاق.

ئوتتېلىيە

  • ئوتتېلىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «ئوتتېلىيە ئوتى»غا قاراڭ.

ئوتتېلىيە ئوتى

  • ئوتتېلىيە ئوتى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يارلىقئوت ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.

ئوت-چۆپ

  • ئوت-چۆپ[يەشمىسى:] ئوت ۋە چۆپ، ئومۇمەن چارۋا يەيدىغان خىلمۇخىل ئوتلار.

ئوتخاناⅠ

  • ئوتخاناⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئائىلىلەردە مەخسۇس ئوت-چۆپ ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۆي؛ سامانلىق.

ئوتخاناⅡ

  • ئوتخاناⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل، پويىز، راكېتا قاتارلىقلاردىكى يېقىلغۇلار يانىدىغان ئورۇن، بۆلەك.

ئوت-خەس

  • ئوت-خەس[يەشمىسى:] ئومۇمەن ئوت-چۆپ قاتارىدىكى نەرسىلەر:[مىسال:] ئوت-خەس يىغماق.

ئوتخور

  • ئوتخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوت-چۆپ يەيدىغان، ئوت-چۆپ بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان:[مىسال:] ئوتخور ھايۋانلار.

ئوتخورلۇق

  • ئوتخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھايۋانلارنىڭ ئۆسۈملۈكلەر بىلەنلا ئوزۇقلىنىش ئادىتى.

ئوت-سامان

  • ئوت-سامان[يەشمىسى:] ئوت ۋە سامان، ئومۇمەن ئات-ئۇلاغلار يەيدىغان ئوت-چۆپ، سامان قاتارلىق نەرسىلەر.

ئوتسىندۇرماق

  • ئوتسىندۇرماق[يەشمىسى:] «ئوتسىنماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوتسىنماق

  • ئوتسىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئوتقا قاقلىنىپ ئىسسىنماق:[مىسال:] ئۇ تونۇر بېشىدا ئوتسىنىپ ئولتۇرغان ھاشىمنىڭ يېنىغا كەلدى.

ئوتسىنىشماق

  • ئوتسىنىشماق[يەشمىسى:] «ئوتسىنماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئوتقاش

  • ئوتقاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاراڭغۇ كېچىدە يول يۈرگەندە يولنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ياغاچ ياكى تۆمۈر كالتەكنىڭ ئۇچىغا مايغا چىلانغان پاختىنى ئوراپ ياسالغان ئاسان يانىدىغان نەرسە، ئوت كالتەك، مەشئەل.

ئوتقاشچى

  • ئوتقاشچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوتقاش كۆتۈرۈپ ماڭغۇچى كىشى.

ئوت-كاۋاپ

  • ئوت-كاۋاپ[يەشمىسى:] ئوت ۋە كاۋاپ، ئومۇمەن ئىنتايىن قىزىغان، كۆيگەن، ئۆرتەنگەن ھالەت.

ئوتلاتماقⅠ

  • ئوتلاتماقⅠ[يەشمىسى:] «ئوتلىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھارۋىكەش بوۋاي قارا ئۆكۈزنى ئوتلاتقىلى ئېلىپ ماڭدى.

ئوتلاتماقⅡ

  • ئوتلاتماقⅡ[يەشمىسى:] «ئوتلىماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ماڭىمۇ بىر يۇتۇم ئوتلىتىپ قويۇڭا، دېدى يەنە بىر بالا خەلچەم ئانىغا يېلىنىپ.

ئوتلاشماقⅠ

  • ئوتلاشماقⅠ[يەشمىسى:] «ئوتلىماقⅠ»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تۆمۈر يول بويىدا بىر توپ قوي-قوزا يۈرەتتى ئوتلىشىپ، ئويناقلاپ-يايراپ.

ئوتلاشماقⅡ

  • ئوتلاشماقⅡ[يەشمىسى:] «ئوتلىماقⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىر-ئىككى رومكا ئوتلىشىپ بېرەرسەن دېدى ئۇ ئاباققا قاراپ ھىجىيىپ.

ئوتلاق

  • ئوتلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوت-چۆپلەر كۆپ ئۆسكەن، ئوت-چۆپ بىلەن پۈركەنگەن جاي؛ يايلاق، چۆپلۈك.

ئوتلاق سالمىسى

  • ئوتلاق سالمىسى[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۆرەلگۈچىلەر كلاسى، كەسلەنچۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋان. تەن ئۇزۇنلۇقى 25 سانتېمېتىر، قۇيرۇقى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، دۈمبىسى يېشىل قوڭۇر، قورسىقى ئاقۇچ كۈل رەڭ، تېنىنىڭ يان تەرەپلىرى يېشىل، دۈمبىسىدە ئالتە قاتار چوڭ تەڭگىچە قاسرىقى بار، ئوت-چۆپ ئارىسىدا ياشاپ، ھاشارات تۇتۇپ يەيدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىغا تارقالغان، شىنجاڭدىمۇ بار.

ئوتلاقچىلىق

  • ئوتلاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوتلاق، يايلاق بەرپا قىلىش، باشقۇرۇش ئىشى، ئومۇمەن ئوتلاق بىلەن مەشغۇل بولۇش پائالىيىتى.

ئوتلام

  • ئوتلام[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ئېغىزغا بىر ئالغۇدەك مىقدارنى بىلدۈرىدۇ، كۆپىنچە ئىچىملىكلەر ھەققىدە ئېيتىلىپ «يۇتۇم» بىلەن باراۋەر ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] بىر ئوتلام سۇ ئىچمەك.

ئوتلانماق

  • ئوتلانماق[يەشمىسى:] «ئوتلىماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئارىدا بىر-ئىككى ئوتلام چايمۇ ئوتلاندى.

ئوتلۇقⅠ

  • ئوتلۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوتى بار، ئوت-چۆپلەر كۆپ ئۆسكەن، ئوت بىلەن قاپلانغان:[مىسال:] ئۇلار تەڭرى تېغىنىڭ تۆۋەن ئېتىكىدىكى سۈزۈك سۇلۇق، يۇمران ئوتلۇق گۈزەل يايلاقتا بىر كېچە تۈنىدى.

ئوتلۇقⅡ

  • ئوتلۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئوتى بار، كۆيدۈرۈش كۈچىگە ئىگە:[مىسال:] قان-ياش ئاققان كۆزلەردە، چاققاي بۈگۈن چاقماقلار چۈشۈپ ئوتلۇق چېقىلغان، كۆيسۈن ئەمدى چاققاقلار[يەشمىسى:] ② قىزىق، ئىسسىق، ھارارەتلىك؛ كىشىگە ئىللىقلىق، خۇشاللىق بېغىشلايدىغان:[مىسال:] ئىككى سەپداشنىڭ ئوتلۇق مەڭزى بىر-بىرىگە چىڭ چاپلاشتى.[يەشمىسى:] ③ نۇرلۇق، نۇر چېچىپ تۇرغان، چاقناپ تۇرغان:[مىسال:] ھە... ئۇ شۇنداق دېدى-دە، گويا قىزنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىشىدىن قورققاندەك، يەرگە قارىۋالدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بالا-قازا، جېدەل-ماجىراغا يېقىن، خەتەرلىك، جېدەل پەيدا قىلىدىغان:[مىسال:] خوتۇن خەقنىڭ پېشى ئوتلۇق دەپ، ئوت تۇتىشىپ بالا-قازا ياماشقىلى ئارانلا تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] شىجائەتلىك، غەيرەتلىك، قايناق؛ جۇشقۇن، قىزغىن:[مىسال:] ئۇنىڭ ئوتلۇق ياش يۈرىكى دائىم خەلق ئۈچۈن سوقۇپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۈچلۈك روھىي ئازاب كەلتۈرىدىغان، ئەلەملىك، دەردلىك:[مىسال:] مېنىڭ بۇ خېتىم، بەلكى سىزنىڭ كامىل ئۈچۈن ھەسرەتلىك ياشلار تۆككەن، ئوتلۇق ئاھلار تارتقان چېغىڭىزدا يېتىپ بارار.

ئوتلۇقⅢ

  • ئوتلۇقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تونۇرنىڭ كۈلىنى چىقىرىدىغان تۆشۈكى، داپخون.

ئوتلىتىشماق

  • ئوتلىتىشماق[يەشمىسى:] «ئوتلاتماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئوتلىماقⅠ

  • ئوتلىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مال-چارۋىلار ئوت-چۆپ يېمەك، ئوت بىلەن ئوزۇقلانماق:[مىسال:] ئۇ ئاتتىن چۈشۈپ، ئاتنى ئوتلاشقا قويۇۋەتتى.

ئوتلىماقⅡ

  • ئوتلىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قىزىق ئىچىملىكلەرنى ئاز-ئازدىن يۇتماق؛ ئومۇمەن سۇيۇق نەرسىلەرنى ئاز-ئازدىن ئىچمەك:[مىسال:] موماي چاينى ئىككى ئوتلاپ، نېرى ئىتتىرىپ قويۇپتۇ.

ئوتلىماقⅢ

  • ئوتلىماقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئوت بىلەن ئۇچۇقلىماق:[مىسال:] خەلق ئارىسىدىكى «ئوتلاپ قېقىش»، «پېرە ئوينىتىش» قاتارلىق خۇراپىي ئۇسۇللار ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى ئوتقا چوقۇنۇشتىن قېلىپ قالغان ئادەتلەردۇر.

ئوتھارۋا

  • ئوتھارۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئوت+ھارۋا[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] پويىز.

ئوتوفون

  • ئوتوفون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] قۇلىقى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئاۋازلارنى ئاڭلىشىغا ياردەم بېرىدىغان بىر خىل ئەسۋاب. ئۇنىڭ بەزىلىرى ئاكۇستىكىلىق پرىنسىپ بويىچە ئاۋاز دولقۇنىنى توپلاپ قۇلاققا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ؛ يەنە بەزىلىرى ئېلېكتر ئىلمى پرىنسىپلىرى بويىچە ئاۋاز قوبۇللىغۇچ ياكى مىكروفون قوبۇل قىلغان ئاۋاز دولقۇنىنى چوڭايتىپ قۇلاققا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

ئوتۇغات

  • ئوتۇغات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ① ئەمەلدارلارنىڭ باش كىيىمىگە تاقىلىدىغان مەنسەپ بەلگىسى.[يەشمىسى:] ② دوپپىنىڭ ئالدىغا تاقىلىدىغان زەر پۆپۈك:[مىسال:] ئوتۇغات تاقىماق.

ئوتۇغات مونچاق

  • ئوتۇغات مونچاق [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ۋاڭلىق تۈزۈمدە گۇڭ، بەيزە، تەيجىلەر كىيىدىغان تاج.

ئوتۇقماق

  • ئوتۇقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قوزا-ئوغلاق قاتارلىق چارۋىلارنىڭ بالىلىرى سۈتتىن ئايرىلىپ ئوت يېگۈدەك بولماق، ئوتقا كىرىشمەك.

ئوتۇن

  • ئوتۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېسىپ، يېرىپ ئوت قالاش ئۈچۈن تەييارلانغان ياغاچ، شاخ-شۇمبا ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر، ئومۇمەن ئوت قالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك ياغاچلار:[مىسال:] ئوت بار يەردە تۈتۈن بار، سۇ بار يەردە ئوتۇن بار (ماقال).

ئوتۇننى يۇيۇپ قالايدىغان

  • ئوتۇننى يۇيۇپ قالايدىغان[يەشمىسى:] تازىلىق قىلدىم دەپ، بەك ئاشۇرۇۋېتىدىغان:[مىسال:] بۇ تازا ئوتۇننى يۇيۇپ قالايدىغان بىرنېمە بولىدىغاندەك قىلىدۇ.

ئوتۇن-چاۋار

  • ئوتۇن-چاۋار[يەشمىسى:] ئوتۇن ۋە چاۋار.

ئوتۇنچى

  • ئوتۇنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① جاڭگال ۋە تاغۇتاشلاردىن ئوتۇن ئەكىلىپ، ئۇنى سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان كىشى:[مىسال:] بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر ئوتۇنچى ئۆتكەنىكەن، ئۇنىڭ خوتۇنى ۋە ئىككى ئوغلى بار ئىكەن.[يەشمىسى:] ② بايلارغا مەخسۇس ئوتۇن توشۇپ بېرىدىغان مالاي:[مىسال:] ئۆتمۈشتە باينىڭ ئوتۇنچىسى ئىدىم، بۈگۈن دۆلەتنىڭ ئورمان ئىشچىسى بولدۇم.

ئوتۇنچىلىق

  • ئوتۇنچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخسۇس ئوتۇن ئەكىلىپ سېتىش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈش.

ئوتۇنخانا

  • ئوتۇنخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوتۇن قويىدىغان ئۆي.

ئوتۇنلۇق

  • ئوتۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوتۇن بار، ئوتۇن كۆپ يەر.

ئوتىغۇچ

  • ئوتىغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توپىنى بوشىتىش ۋە ئوت ئوتاشتا ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق سايمىنى.

ئوتىماق

  • ئوتىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] زىرائەت ئىچىدىن ئوت-چۆپلەرنى يۇلۇپ ئالماق، زىرائەتنى ئوتتىن خالىي قىلماق:[مىسال:] بوپتۇ قىزىم، دېدى موماي ئاغرىنىپ ۋە ئاستا باغدىكى كۆكتاتلارنى ئوتىغىلى چىقىپ كەتتى.

ئوتياش

  • ئوتياش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئوت+ياش[[يەشمىسى:] سەي-كۆكتات.

ئوتياشچى

  • ئوتياشچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سەي-كۆكتات تېرىپ ساتقۇچى كىشى، سەيچى.

ئوتياشچىلىق

  • ئوتياشچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخسۇس سەي-كۆكتات تېرىپ ئۆستۈرۈش ۋە ئۇنى سېتىش ئىشى.

ئوتياشلىق

  • ئوتياشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوتياش ئۆستۈرۈلگەن، ئوتياش تېرىلغان يەر.

ئوچ

  • ئوچ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] «ئوچۇم»غا قاراڭ.

ئوچاق

  • ئوچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۈچ تەرىپى تۇتاش ئېتىك ئالدى تەرىپىگە ئېغىز ئېچىپ ياسالغان، ئۈستىگە قازان ئېسىلىپ، ئىچىگە ئوت يېقىلىدىغان قۇرۇلما:[مىسال:] باينىڭ پۇلى - ئوچاقنىڭ كۈلى (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسە پەيدا بولىدىغان، تارقىلىدىغان ياكى ئەمەلگە ئاشىدىغان جاي؛ مەنبە:[مىسال:] كۇچانىڭ سۇجۇپ مۇزىكا سىستېمىسىنىڭ ئوچىقى بولۇشى تاسادىپىي ۋە ياكى يەككە-يېگانە ھادىسە ئەمەس، ئەلۋەتتە.

ئوچاقلىق

  • ئوچاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوچاق بار، ئوچاق سېلىنغان:[مىسال:] ئۈچ ئوچاقلىق بىر ئاشخانا.

ئوچاقنەيزە

  • ئوچاقنەيزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئوچاق+نەيزە[[يەشمىسى:] ئىككى تەرىپىدىن شامال ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان تۆمۈرچىلىك ئەسۋابى.

ئوچۇق

  • ئوچۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەرەپلىرى ھېچ نەرسە بىلەن توسۇلمىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ئوچۇق يەرگە ھەر خىل گۈللەر تېرىلغانىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈستى يېپىلمىغان ياكى كۆپ قىسمى يېپىلماي قالغان:[مىسال:] ئالماس ئوچۇق سەيناغا چىققاندا، ئۇلار ئالماسنىڭ ئارقىسىدا ئىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] يېپىلمىغان، ئېتىلمىگەن ياكى تاقالمىغان، قۇلۇپلانمىغان، قاناتلىرى ئېچىۋېتىلگەن:[مىسال:] ئايروپىلاننىڭ ئىشىكى تېخى ئوچۇق تۇراتتى. ∥دەم ئاپتۇ قاراۋۇللىرى، ئوچۇق قاپتۇ ئۆي-ھۇجرىلىرى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يالىڭاچ، ئەت-تېرىلىرى كۆرۈنۈپ قالغان:[مىسال:] ئوچۇق بەدەن.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈز، راۋان، توسالغۇسىز:[مىسال:] دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق، ئەل سۆيگەننىڭ يولى ئوچۇق (ماقال).[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇمۇلمىغان، يېپىلمىغان (كۆز، ئېغىز قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئوچۇق ئېغىز ئاچ ئۆلمەس (ماقال). ∥ ئۇنىڭ كۆزلىرى تېخىچە ئوچۇق تۇراتتى.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۈزۈك، بۇلۇتسىز، بۇلۇت ياكى چاڭ-توزانلاردىن خالىي:[مىسال:] تاشۋاي ئوچۇق ئاسمانغا زوق بىلەن تىكىلگىنىچە ئەركىن بىر نەپەس ئالدى.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زىل، ساز، جاراڭلىق:[مىسال:] مۇشۇنداق قىلغاندا ئاھاڭلار ئوچۇق، پاكىز چىقىدۇ.[يەشمىسى:] ⑨ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇلغانمىغان، ساپ، سۈزۈك، راۋان:[مىسال:] ئاخشامقى كىشمىش ئۆرۈكتىن، دېدى ئومان. تومۇرىڭىزنىڭ ئوچۇق چېغىدا ئازراق يەپ باقامسىز[يەشمىسى:] 01 [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈز، پاك، ھىيلە-مىكىردىن خالىي؛ خۇشخۇي، خۇش چاقچاق، مۇلايىم، چىقىشقاق:[مىسال:] ئۇ تولىمۇ خۇش چاقچاق، ئوچۇق يىگىت ئىكەن.[يەشمىسى:] 11 [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئېنىق، روشەن، ئاسانلا بىلگىلى، سەزگىلى بولىدىغان ھالەتتە، گەۋدىلىك:[مىسال:] بۇ يەردە پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشى ئوچۇق ۋە مۇقىم بولىدۇ.[يەشمىسى:] 21 [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەقىقىي، راست، توغرا؛ ئاشكارا، ئېنىق:[مىسال:] ئۇ بۇ قېتىم ئوچۇق گېپىنى قىلدى. ∥مەن ئۆز پىكرىمنى ئوچۇق ئېيتتىم.[يەشمىسى:] 31 [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېنىق، تۇتۇقنىڭ ئەكسى (رەڭ ھەققىدە):[مىسال:] قاراڭ، دېدى ئۇ ماڭا تېخىمۇ چۈشەندۈرۈپ، رەڭگىمۇ شۇنداق ئوچۇق، ئايالىڭىزغا ئالغاچ بارسىڭىز خۇش بولماي قالمايدۇ.[يەشمىسى:] 41 [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەممە كىشى ئۆز ئىختىيارى بويىچە قاتناشسا بولۇۋېرىدىغان، خالىغانلار قاتناشسا بولىدىغان، ئادەم چەكلەنمەيدىغان:[مىسال:] ئوچۇق يىغىن. ئوچۇق سوت.[يەشمىسى:] 51 [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھېچكىمدىن يوشۇرۇلمىغان، ئوچۇق-ئاشكارا بولغان:[مىسال:] ئوچۇق قارشىلىق. ئوچۇق ھەرىكەت. ئوچۇق مۇناسىۋەت.

ئوچۇق بوغۇم

  • ئوچۇق بوغۇم[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بوغۇم.

ئوچۇق خەت

  • ئوچۇق خەت[يەشمىسى:] بىرەر شەخس ياكى كوللېكتىپقا قارىتا يېزىلغان، ئەمما خەتنى يازغۇچى «كۆپچىلىككە ئۇقتۇرۇش زۆرۈر» دەپ، ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلغان خەت.

ئوچۇق دەرس

  • ئوچۇق دەرس[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئوقۇتۇش مېتودىنى تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان دەرس شەكلى. مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا مائارىپ خادىملىرى تەشكىللىك ھالدا ئۇنى ئاڭلاشقا قاتناشتۇرۇلىدۇ.

ئوچۇق دېڭىز

  • ئوچۇق دېڭىز[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] خالىغان دۆلەت ئىشلىتەلەيدىغان، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىختىيارىدا بولمىغان دېڭىز تەۋەلىكى.

ئوچۇق سوت

  • ئوچۇق سوت[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] مەملىكىتىمىز خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلولارنى ئوچۇق-ئاشكارا سوت قىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇلى. بۇنىڭدا، كەڭ ئاممىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى زور بولغان دېلولار قاراپ چىقىلىدۇ.

ئوچۇق ئىمتىھان

  • ئوچۇق ئىمتىھان[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] ئىمتىھان ئېلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. بۇنىڭدا ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن ئەركىن پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

ئوچۇق-ئاشكارا

  • ئوچۇق-ئاشكارا[يەشمىسى:] ئوچۇق ۋە ئاشكارا، كۆڭلىدىكىنى يوشۇرمايدىغان:[مىسال:] ئوچۇق-ئاشكارا ئىش قىلماق.

ئوچۇقتىن-ئوچۇق

  • ئوچۇقتىن-ئوچۇق[يەشمىسى:] ئاشكارا ھالدا، يوشۇرماستىن:[مىسال:] ئۇ ئوچۇقتىن-ئوچۇق قۇۋلۇق قىلىۋاتاتتى.

ئوچۇقچىلىق

  • ئوچۇقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھېچقانداق نەرسە بىلەن توسۇلمىغان، ئىچىدە ھېچ نەرسە يوق يەر، جاي:[مىسال:] يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ئۇلار چوڭ بىر ئوچۇقچىلىققا چىقىپ قېلىشتى.

ئوچۇقلاشتۇرماق

  • ئوچۇقلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئوچۇقلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوچۇقلاشتۇرۇلماق

  • ئوچۇقلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئوچۇقلاشتۇرماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئوچۇقلاشماق

  • ئوچۇقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئوچۇق، ئېنىق، ئاشكارا بولماق، ئايدىڭلاشماق:[مىسال:] بۇ چىگىش مەسىلە ئوچۇقلاشتى.

ئوچۇقلۇق

  • ئوچۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېنىق، ئاشكارا، ئوچۇق بولغان ھالەت.

ئوچۇق-يورۇق

  • ئوچۇق-يورۇق[يەشمىسى:] خۇشخۇي، خۇش چاقچاق، سەمىمىي:[مىسال:] قاسىم ئاكام ئابدۇلنى ئوچۇق-يورۇق كۈتۈۋېلىپ، پاراڭغا سېلىشقا باشلىدى.

ئوچۇم

  • ئوچۇم[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى ئالىقاننى بىرلەشتۈرۈپ، بارماقلارنى ئۈستىگە قارىتىپ سەل يىغقاندا ھاسىل بولغان بوشلۇق:[مىسال:] ئەسئەتنىڭ ئوچۇمىدىكى تاش يەرگە چۈشۈپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ «سىغىمى ئوچۇم كېلىدىغان»، «ئوچۇمغا باراۋەر»، «ئوچۇمغا تەڭ» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ يۈرەكنى سەگىتىدىغان مۇزدەك سۇدىن بىرنەچچە ئوچۇم ئېلىپ ئىچتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز. كۆچمە[يەشمىسى:] «بىر» سۆزى بىلەن بىرىكىپ، «بەزى، قىسمەن، ئاز ساندىكى» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر ئوچۇم ئۇنسۇرلار بۇ قېتىم قەستەن چاتاق چىقاردى.

ئوچۇملاتماق

  • ئوچۇملاتماق[يەشمىسى:] «ئوچۇملىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوچۇملاشماق

  • ئوچۇملاشماق[يەشمىسى:] «ئوچۇملىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئوچۇملانماق

  • ئوچۇملانماق[يەشمىسى:] «ئوچۇملىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئوچۇملىماق

  • ئوچۇملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئوچۇمىغا ئالماق:[مىسال:] ئۇ مۇزدەك بۇلاق سۈيىنى ئوچۇملاپ ئىچىشكە باشلىدى.

ئوچېرك

  • ئوچېرك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئېپىك ژانىرلارنىڭ بىرى. ئۇ ۋەقە، ھادىسىلەرنى، تۇرمۇش پاكىتلىرىنى ۋە كونكرېت كىشىلەر پائالىيىتىنى ئەينەن تەسۋىرلەش بىلەن باشقا ئېپىك ژانىرلار (مەسىلەن، پوۋېست، ھېكايە) دىن پەرقلىنىدۇ.

ئوخرەك

  • ئوخرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىتنىڭ ئېغىز چىشى بىلەن ئۇتتۇر چىشى ئوتتۇرىسىدىكى تۆت دانە ئۇزۇن چىشى. ئۇنىڭ ئىككىسى ئۈستىدە، ئىككىسى ئاستىدا بولىدۇ.

ئوخشاتماق

  • ئوخشاتماق[يەشمىسى:] «ئوخشىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوخشاش

  • ئوخشاش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىرەر كىشى ياكى نەرسىنى ئەسلىتىدىغان، شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان:[مىسال:] ئوخشاش شەكىللەر.[يەشمىسى:] ② باراۋەر، تەڭ، پەرقسىز:[مىسال:] ئۇ گەپلىرىنى مۇشۇ يەردە دەۋەرسىلىمۇ ئوخشاش ئەمەسمۇ

ئوخشاشلىق

  • ئوخشاشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوخشاپ كېتىش، تەڭ-باراۋەرلىك، پەرقسىزلىك.

ئوخشاشماق

  • ئوخشاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر ئالاھىدىلىك، خاراكتېر ياكى شۇ قاتارلىق سۈپەتلىرى جەھەتتىن ئىككىنچى بىرنەرسىگە ئوخشاپ كەتمەك، ئوخشاپ قالماق:[مىسال:] ھەر ئىككىمىز ئالىقىنىمىزغا يېزىپ باقايلى، قېنى ئوخشىشامدۇ

ئوخشالماق

  • ئوخشالماق[يەشمىسى:] «ئوخشىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئوخشىتىش

  • ئوخشىتىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىن بىرى. بۇنىڭدا، بىر-بىرى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ئوخشاشلىقى بولغان ئىككى نەرسىنىڭ بىرى ئارقىلىق يەنە بىرى چۈشەندۈرۈلۈپ ئوبراز يارىتىلىدۇ ياكى چوڭقۇر داۋلىلار شەرھلىنىدۇ. ئوخشىتىش ئادەتتە ئېنىق ئوخشىتىش، يوشۇرۇن ئوخشىتىش ۋە ۋەكىللىك ئوخشىتىش دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ.

ئوخشىتىشماق

  • ئوخشىتىشماق[يەشمىسى:] «ئوخشاتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئوخشىتىلماق

  • ئوخشىتىلماق[يەشمىسى:] «ئوخشاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئوخشىماق

  • ئوخشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① باشقا بىرەر ئادەم ياكى نەرسىدە بار بولغان خاراكتېر ياكى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولماق، بىرەر بەلگىسى، ئالاھىدىلىكى ياكى شۇنداق سۈپەتلىرى بىلەن شۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان باشقا بىرەر نەرسە ياكى كىشىنى ئەسلەتمەك:[مىسال:] ئوغۇل تاغقا ئوخشار، قىز باغقا (ماقال).[يەشمىسى:] ② «ئوخشايدۇ» شەكلىدە بىر قىسىم ئىسىم، سۈپەت، سۈپەتداشلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ، بىرەر ئىش-ھەرىكەت، ھالەت ۋە شۇ قاتارلىقلار ھەققىدە تەخمىنىي مۆلچەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] كاككۇكلار كېلىپ قاپتۇ، باھار بولغان ئوخشايدۇ. كۆڭلۈم خۇش بولۇپ قاپتۇ، يارىم كەلگەن ئوخشايدۇ.[يەشمىسى:] ③ ناھايىتى ياخشى بولماق، كۆڭۈلدىكىدەك بولماق، ئادەتتىكىگە نىسبەتەن ناھايىتى ئېسىل بولماق:[مىسال:] بۇ يىل پاختا بەك ئوخشىدى.

ئودونتولوگىيە

  • ئودونتولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] چىش، چىشنىڭ تۈزۈلۈشى، يېتىلىشى ۋە ئۇنىڭدىكى كېسەللىكلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ئودىكام

  • ئودىكام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بالىلار ئويۇنىنىڭ بىر تۈرى. بۇنىڭدا يەرگە قاتار-قاتار ئورەك كولىنىپ، پومزەكنى دومىلىتىپ ئورەككە چۈشۈرۈپ ئوينىلىدۇ.

ئورا

  • ئورا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى كۆمۈش ئۈچۈن يەردىن كولانغان چوڭقۇرلۇق، ئازگال:[مىسال:] ئورا كولىماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھالاكەت، بالا-قازا، خەۋپ-خەتەر:[مىسال:] سەن مېنى ئورىغا ئىتتىرىۋاتىسەن دېدى ئۇ غەزەپتىن كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ.

ئورا كولىماق

  • ئورا كولىماق[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنى كۆمۈش ئۈچۈن ئورا قازماق:[مىسال:] مەن ئاشلىقلارنى كۆمۈش ئۈچۈن ئۆينىڭ ئىچىگە بىر ئورا كولىدىم.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىراۋنىڭ مەنپەئەت، ئىستىقبالىنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماق، تۇزاق قۇرماق، گۆر كولىماق:[مىسال:] ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا كىشىلەرگە ئورا كولاش بىلەن كۈن كەچۈرگەن.

ئوراتماق

  • ئوراتماق[يەشمىسى:] «ئورىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوراشماق

  • ئوراشماق[يەشمىسى:] «ئورىماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاياللار باشلىرىغا روماللىرىنى ئوراشتى.

ئوراق

  • ئوراق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئورالغان ھالەتتىكى، ئورالغان:[مىسال:] ئوراق يوپۇرماقلىق شەبنەم ئوتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سىرتىدىن ئورىغان، يۆگىگەن نەرسە:[مىسال:] تايلانغان پاختىنىڭ ئورىقى.

ئوراقسىز

  • ئوراقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئورالمىغان، ئورالماي قالغان:[مىسال:] ئوراقسىز بويۇم.

ئوراقلىق

  • ئوراقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئورالغان، ئوراپ قويۇلغان:[مىسال:] ئۇ گېزىتكە ئوراقلىق نەرسىنى ئېچىپ كۆرۈۋىدى، خورما ئىكەن.

ئورالما

  • ئورالما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئورالغان ياكى ئورىلىدىغان:[مىسال:] ئورالما جىسىم.

ئورالماقⅠ

  • ئورالماقⅠ[يەشمىسى:] «ئورىماقⅠ»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] پوتەينىڭ ئەتراپى ئىككى قۇر تىكەنلىك سىم بىلەن ئورالغانىدى.

ئورالماقⅡ

  • ئورالماقⅡ[يەشمىسى:] «ئورىماقⅡ»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئورامⅠ

  • ئورامⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۆگەلگەن، ئورالغان نەرسە ۋە شۇنداق نەرسىنىڭ ھەربىرى:[مىسال:] ئىشنى سىم ئوراملىرىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاش كېرەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ ئورالغان ياكى ئورىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر ئورام قەغەز. ئىككى ئورام تاماكا.

ئورامⅡ

  • ئورامⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئورما.

ئورانگۇتان

  • ئورانگۇتان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>مالايچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تېنى مايمۇندىن چوڭ، ئىككى قولى ئۇزۇن، پۈتۈن تېنىدە قىزغۇچ بېغىر رەڭ تۈكلىرى بار، ساغرا قاداقچىسى يوق، مېۋە يەيدۇ، جەنۇبىي ئوكيان تاقىم ئاراللىرىدا ياشايدۇ.

ئورانماق

  • ئورانماق[يەشمىسى:] «ئورىماقⅠ»پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مېنىڭ قىزىتمام ئۆرلەپ يوتقانغا ئورىنىپ ياتقانىدىم.

ئورەك

  • ئورەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك ئورا:[مىسال:] شامەخسۇت ئۇنىڭدىن قاچىمەن دەپ، ئورەككە كىرىپ يىقىلىپ چۈشتى.

ئوربىتا

  • ئوربىتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى باشقا بىر جىسىمنىڭ تارتىش كۈچى تەسىرىدە قىلىدىغان ھەرىكەت يولى. مەسىلەن، يەرنىڭ قۇياش ئەتراپىدىكى يولى يەر ئوربىتىسى دېيىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىسىملارنىڭ بەلگىلىك قانۇنىيەت بويىچە قىلىدىغان ھەرىكەت يولى. مەسىلەن، ئاتومدىكى ئېلېكترون ۋە سۈنئىي ھەمراھنىڭ ھەرىكىتى بەلگىلىك ئوربىتا بويىچە بولىدۇ.

ئوربىتىلىق

  • ئوربىتىلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوربىتىسى بار، ئوربىتىغا ئىگە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئوربىتا ئارقىلىق، ئوربىتا بىلەن:[مىسال:] ئوربىتىلىق ئايلىنىش.

ئورتا

  • ئورتا[يەشمىسى:] «ئوتتۇرا»غا قاراڭ.

ئورتاق

  • ئورتاق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ۋاقىتتا تۇغۇلۇپ بىللە چوڭ بولغان، بىللە ئۆسكەن؛ دوست، تەڭتۇش:[مىسال:] بىلەلمىدىم بەختىم نېچۈك قارادۇر، زەمبىل كەبى جانۇ جىسمىم يارادۇر. كۆزۈم يۇمۇپ، جانىم چىقىپ بارادۇر، ئورتاقلىرىم مېنى يۆلەپ، يۈرۈڭلار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپچىلىككە تەۋە، ھەممىگە باراۋەر، كۆپچىلىككە تەئەللۇق بولغان؛ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىدە بار بولغان، ھەممە ئىگە بولغان:[مىسال:] بۆرە تاپسا، تەڭ ئورتاق، قاغا تاپسا دەرەخ ئۇچىدا (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوخشاش، بىردەك؛ تەڭ، پەرقسىز:[مىسال:] ئومۇمەن ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىمۇ، قايغۇسىمۇ ئورتاق ئىدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:]رەۋىش.[يەشمىسى:] بىرلىكتە، باراۋەر:[مىسال:] يېزىنىڭ ئىشلىرىغا ھەممەيلەن ئورتاق مەسئۇل بولۇشىمىز لازىم.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دېھقانچىلىقتىكى بىرەيلەن ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنى، بىرەيلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى چىقىرىش يولى بىلەن قىلىنغان شېرىك دېھقانچىلىق:[مىسال:] بۇلتۇر مۇنۇ ئارقىدىكى قوشنىمىز ساقى ھاشىم باينىڭ يېرىگە ئورتاق قوغۇن تېرىغانىدى.

ئورتاقچى

  • ئورتاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دېھقانچىلىقتا بىرى بىلەن ھەمكارلاشقۇچى، ھەمكارلىشىپ، شېرىكلىشىپ تېرىقچىلىق قىلغۇچى.

ئورتاقچىلىق

  • ئورتاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورتاققا يەر تېرىش، ئورتاق يەر تېرىش.

ئورتاقلاشتۇرماق

  • ئورتاقلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئورتاقلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئورتاقلاشتۇرۇلماق

  • ئورتاقلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئورتاقلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئورتاقلاشماق

  • ئورتاقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ھەمدەم بولماق، شېرىك بولماق، تەڭ كۆرمەك؛ ھەمكارلاشماق، ماسلاشماق:[مىسال:] ئۇمۇ ئاشۇ كۈلكىلەرگە ئورتاقلىشىۋاتاتتى[يەشمىسى:] ② بىردەك تونۇشقا كەلمەك، ئوخشاش قاراشتا بولماق، باشقىلارغا بىلدۈرمەك:[مىسال:] مەن بۇ جەھەتتىكى كۆزقاراش ۋە مۇلاھىزىلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

ئورتاقلىق

  • ئورتاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم شەكىل، مەلۇم بىر ئالاھىدىلىك، خاراكتېر ياكى ئوي-پىكىر جەھەتتىكى ئوخشاشلىق، بىردەكلىك.

ئوردا

  • ئوردا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خان، شاھ-پادىشاھلارنىڭ تۇرىدىغان جايى، تۇرالغۇسى:[مىسال:] شاھ باشقىلارنى ئوردىدىن چىقىپ تۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ.

ئوردا-ساراي

  • ئوردا-ساراي[يەشمىسى:] ئوردا ۋە ساراي قاتارلىق شاھ-پادىشاھلار تۇرىدىغان جايلار.

ئوردان

  • ئوردان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] رويان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولىدا تەتۈر ئۆسكەن تىكەنلىرى بولىدۇ، يىلتىزى سارغۇچ قىزىل بولۇپ، كونۇس شەكلىدە، يوپۇرمىقى يۈرەك ياكى تۇخۇم شەكلىدە بولىدۇ. ئايلىنىپ ئۆسىدۇ. گۈل تاجى سېرىق، مېۋىسى شارسىمان، رەڭگى قىزىل ياكى قارا كېلىدۇ. يىلتىزىنى قىزىل بوياققا ماتېرىيال قىلىشقا ياكى دورىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قاننى جانلاندۇرۇش ۋە توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش رولىغا ئىگە.

ئوردوۋىك

  • ئوردوۋىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] ئەنگلىيىدە ياشىغان بىر قەدىمىي مىللەتنىڭ نامى.

ئوردوۋىك دەۋرى

  • ئوردوۋىك دەۋرى[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] قەدىمىي ھايات ئېراسىنىڭ ئىككىنچى دەۋرى. تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقىرى دەپ ئۈچ ئەسىرگە بۆلۈنىدۇ. 500 مىليون يىل بۇرۇن باشلىنىپ، 450 مىليون يىل بۇرۇن ئاياغلاشقان. ھايۋاناتتىن ئۈچ بوغۇملۇق قۇرت، قەلەم قۇرت، بېغىش پۇتلۇقلار، تىكەن تېرىلىكلەر، بىخ مارجانلار تەرەققىي قىلغان. ئۆسۈملۈكلەردىن يۈسۈنلەر تەرەققىي قىلغان. بۇ مەزگىلدە دۆلىتىمىزنىڭ كۆپلىگەن ئۆلكىلىرى سۇ ئاستىدا بولغان بولۇپ، ھاك تاش، دولومىت جىنس. تارىشا جىنسلار تەرەققىي قىلغان. شەرتلىك بەلگىسى: O.

ئوردوۋىك سىستېمىسى

  • ئوردوۋىك سىستېمىسى[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئوردوۋىك دەۋرىدە شەكىللەنگەن يەر قاتلاملىرى.

ئوردۇ

  • ئوردۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئوردۇ تىلى»غا قاراڭ.

ئوردۇ تىلى

  • ئوردۇ تىلى[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] پاكىستاننىڭ ھۆكۈمەت تىلى. ھىندىستاندىمۇ قوللىنىلىدۇ. بۇ تىل ھىندى-ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسىنىڭ ھىندى تىللىرى تۈركۈمىدىكى ئوتتۇرا تىل گۇرۇپىسىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭدا ئەرەب، پارس تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. يېزىقى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى يېزىقتۇر.

ئوردۇچە

  • ئوردۇچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوردۇ تىلى ۋە يېزىقى:[مىسال:] ئوردۇچە سۆزلىمەك. ئوردۇچىنى ئۆگەنمەك.

ئوردېر

  • ئوردېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>مالىيە<[يەشمىسى:] پۇل ۋە ماللارنىڭ كىرىم-چىقىملىرى خاتىرىلىنىدىغان تىزىملىك.

ئوردېن

  • ئوردېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] دۆلەتكە تۆھپە قوشقان كىشىلەرگە بېرىلىدىغان بىر خىل شەرەپ مېدالى، نىشان:[مىسال:] ئوردېن بىلەن مۇكاپاتلىماق.

ئوردىبېگى

  • ئوردىبېگى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئوردا+بەگ+ى[[يەشمىسى:] شاھ ئوردىسىنىڭ خوجىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى.

ئوردىلىق

  • ئوردىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوردىغا تەۋە، ئوردىغا تەئەللۇق، پادىشاھلىق:[مىسال:] مەن بۇ يېرىمنى ئوردىلىق باغچىنى كېڭەيتىشكە سوۋغا قىلىۋەتتىم.

ئوردىنات

  • ئوردىنات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تەكشىلىكتىكى خالىغان بىر نۇقتىدىن ئابسېسسا ئوقىغىچە بولغان ئارىلىق بۇ نۇقتىنىڭ ئوردىناتى دېيىلىدۇ.

ئورغاق

  • ئورغاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى، ئوت-چۆپ قاتارلىقلارنى ئورۇش ئۈچۈن مېتالدىن ھىلال ئاي شەكلىدە تىغ چىقىرىپ ياسالغان، دەستىلىك ئەسۋاب.[يەشمىسى:] ② كۆنچىلىكتە تېرىنى ئەيلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب.

ئورغاقچى

  • ئورغاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورغاق ياسايدىغان ئۇستا.

ئورغاقسىمان

  • ئورغاقسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەكلى ئورغاققا ئوخشايدىغان، ئورغاق شەكىللىك:[مىسال:] ئۇلار دۈشمەنلەرنىڭ ئارقا سېپىدە ئورغاقسىمان توسۇق ھاسىل قىلدى.

ئورغۇزماق

  • ئورغۇزماق[يەشمىسى:] «ئورماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئورفوگرافىيە

  • ئورفوگرافىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] «ئىملا قائىدىسى»غا قاراڭ.

ئوركېستىر

  • ئوركېستىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] مۇزىكا ئەسەرلىرىنى بىرلىكتە ئىجرا قىلىدىغان چالغۇ ئەسۋابلىرى يىغىندىسى ۋە شۇ ئەسۋابلارنى چالىدىغان مۇزىكىچىلار كوللېكتىپى:[مىسال:] دۇخوۋوي ئوركېستىر. تارلىق چالغۇلار ئوركېستىرى. مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار ئوركېستىرى.

ئوركېستىرلاشتۇرماق

  • ئوركېستىرلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئوركېستىرلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوركېستىرلاشماق

  • ئوركېستىرلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئوركېستىر ھالىتىگە كەلمەك؛ ئوركېستىر بولۇپ ئۇيۇشماق، تەشكىللەنمەك.

ئوركېستىرلىق

  • ئوركېستىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئوركېستىرى بار، ئوركېستىرگە ئىگە:[مىسال:] ئوركېستىرلىق مۇزىكا ئۆمىكى.[يەشمىسى:] ② ئوركېستىرگە ئائىت، ئوركېستىرگە ئالاقىدار بولغان:[مىسال:] ئوركېستىرلىق چالغۇ.

ئورگانⅠ

  • ئورگانⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئادەم، ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە ئومۇمەن جانلىق ئورگانىزملارنىڭ مەلۇم بىر فۇنكسىيىنى بېجىرىدىغان قىسمى؛ ئەزا:[مىسال:] سېزىش ئورگىنى. ئاڭلاش ئورگىنى.[يەشمىسى:] ② بىرەر باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرىدىغان مۇئەسسەسە، تەشكىلات؛ ئىش بېجىرگۈچى تارماق؛ ئىدارە:[مىسال:] مەمۇرىي ئورگان. ھەربىي ئىشلار ئورگىنى. ئورگان خىزمىتى. ئورگان گېزىتى.

ئورگانⅡ

  • ئورگانⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] تىللىق چالغۇ ئەسۋابى. شەكلى ئۇزۇن تۆت چاسا ساندۇققا ئوخشايدۇ، ئىچىدە مىستىن ياسالغان تىللىرى بار، ئۈستى تەرىپىگە بېسىش كۇنۇپكىلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، شۇ كۇنۇپكىلار بېسىلسا تىللار ھەرىكەتكە كېلىدۇ. ئاياغ تەرەپتە تەپكۈچ بولۇپ، ئاياغ بىلەن تېپىلگەندە شامال ساندۇقىدا يەل پەيدا بولۇپ مىس تىللارنى تەۋرىتىپ ئاۋاز پەيدا قىلىدۇ.

ئورگانىزم

  • ئورگانىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ① ھاياتلىقى بولغان يەككە تەنلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئادەتتە ئۇ ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئورگان:[مىسال:] ھەرىكەت ئورگانىزمى.

ئورگانىك

  • ئورگانىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① ئورگانىزمغا، جانلىق مەۋجۇداتقا ئائىت، تىرىك مەۋجۇداتلار بىلەن باغلىق بولغان؛ تىرىك، جانلىق:[مىسال:] ئورگانىك دۇنيا.[يەشمىسى:] ② ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چىرىشىدىن ھاسىل بولغان؛ تىرىك ئورگانىزملار مەھسۇلىدىن ئېلىنغان:[مىسال:] ئورگانىك ماددا. ئورگانىك ئوغۇت.[يەشمىسى:] ③ كاربون بىرىكمىلىرىگە ئالاقىدار بولغان:[مىسال:] ئورگانىك خىمىيە. ئورگانىك ئەينەك. ئورگانىك بوياق.[يەشمىسى:] ④ بىرەر كىم ياكى نەرسىنىڭ ئاجرالماس بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان؛ ئەڭ يېقىن:[مىسال:] ئەسەر ۋەقەلىكلىرى، پېرسوناژلار ئوبرازى، ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە تەبىئەت تەسۋىرلىرى بىلەن ئورگانىك بىرلىككە ئىگە بولۇش لازىم.

ئورگىنىيە

  • ئورگىنىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «ئورگىنىيە ئوتى»غا قاراڭ.

ئورگىنىيە ئوتى

  • ئورگىنىيە ئوتى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تەركىبىدە يېپشقاقلىق شىرنىسى بولىدۇ. يەر ئاستى تەڭگىچە غولى ناھايىتى چوڭ. يوپۇرمىقى كەڭ ھەم تۆمۈنە شەكلىدە بولۇپ، توپلىشىپ ئۆسىدۇ.[يەشمىسى:] گۈلى ئاق، كىچىك بولۇپ ئومۇم گۈل رېتىدە بولىدۇ، ياز ۋە كۈزدە ئېچىلىدۇ. تەڭگىچە غولى ئارقىلىق كۆپىيىدۇ. تەڭگىچە غولىنىڭ يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش رولى بار.

ئورما

  • ئورما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىشىپ تەييار بولغان زىرائەتلەرنى ئورۇش، يىغىش ئىشى، پائالىيىتى:[مىسال:] ئورما باشلاندى.

ئورماق

  • ئورماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئورغاق، چالغا، كومبايىن قاتارلىقلار بىلەن زىرائەت ۋە ئوت-چۆپ قاتارلىقلارنى غولىدىن، تۈۋىدىن كەسمەك، ئۈزمەك:[مىسال:] سۇلتان بىر كۈنىگە ئىككى مو يەرنىڭ بۇغدىيىنى ئورىدى.

ئورمان

  • ئورمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئومۇمەن دەل-دەرەخ:[مىسال:] ئۇلار قۇملۇققا نۇرغۇن ئورمان قويۇپ، يېشىل كارىدور بەرپا قىلدى.[يەشمىسى:] ② دەل-دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان چوڭ مەيدان، دەرەخلىك:[مىسال:] يىپەك سەللىلىك يوچۇن ئادەم ئورمان ئىچىگە سالمىدەك شۇڭغۇپ كىرىپ كەتكەنچە، ئىككىنچى قېتىم كۆزگە كۆرۈنمىدى.

ئورمان بەلۋېغى

  • ئورمان بەلۋېغى[يەشمىسى:] بوراندىن، قۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن ئۆستۈرۈلگەن، ئۇزۇن بەلۋاغسىمان كەتكەن دەل-دەرەخلەر.

ئورمانچى

  • ئورمانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەل-دەرەخ، ئورمانلارنى ئۆستۈرۈش، ئاسراش جەھەتتە بەلگىلىك تەجرىبىگە ئىگە ھەم مەخسۇس ئورمان پەرۋىش قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى، دەل-دەرەخلەرنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى.

ئورمانچىلىق

  • ئورمانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورمانلارنى ئۆستۈرۈش ۋە مۇھاپىزەت قىلىش، ياغاچ ماتېرىيالى ۋە باشقا ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرى.

ئورمانزار

  • ئورمانزار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئورمانلىق»قا قاراڭ.

ئورمانزارلىق

  • ئورمانزارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئورمانلىق»قا قاراڭ.

ئورمانشۇناس

  • ئورمانشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورمانچىلىق تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغۇچى تەتقىقاتچى.

ئورمانشۇناسلىق

  • ئورمانشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورمانلارنى يېتىشتۈرۈش نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ئورمانلاشتۇرماق

  • ئورمانلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئورمانلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئورمانلاشماق

  • ئورمانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئورمان بىلەن قاپلانماق، ئورمانلىققا ئايلانماق.

ئورمانلىق

  • ئورمانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەل-دەرەخ كۆپلەپ ئۆستۈرۈلگەن، ئورمان بىلەن قاپلانغان جاي.

ئورمىچى

  • ئورمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورما ئورغۇچى، ئورما ئورىدىغان كىشى.

ئورمىلىق

  • ئورمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورما ئورۇلىدىغان ياكى ئورۇلۇۋاتقان جاي.

ئورناتماق

  • ئورناتماق[يەشمىسى:] ① «ئورنىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بىر-بىرى بىلەن دوستلۇق ئورناتقانىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تىزىمغا ئالماق، تىزىمغا كىرگۈزمەك:[مىسال:] نوپۇسلارنى تېخى تىزىملىككە ئورنىتىپ بولمىدىم، دېدى ئۇ قوپاللا.

ئورناشتۇرماق

  • ئورناشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئورناشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئورناشتۇرۇشماق

  • ئورناشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ئورناشتۇرماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئورناشتۇرۇلماق

  • ئورناشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئورناشتۇرماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئورناشماق

  • ئورناشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مۇئەييەن بىر جايدىن ئورۇن ئالماق، جايلاشماق:[مىسال:] تۈگمەنگە يېقىن ئىككى سۇ ئارىسىغا ئورناشقان ئاشۇ پوتەي ئەڭ خەتەرلىك ھېسابلىناتتى.[يەشمىسى:] ② چاپلاشماق، يېپىشماق:[مىسال:] يۈزلىرىنى ئەجەب يۇيۇپ كەتتىلە، دېدى ئۇ ئالدىرىغاندەك قىلىپ، يۈزلىرىگە سېسىق پۇراقلار ئورنىشىپ قالمىغاندۇ[يەشمىسى:] ③ ئېسىدە قالماق، ساقلانماق:[مىسال:] بوۋاينىڭ تەسىرلىك سۆزلىرى قەلبىمىزگە چىڭ ئورناشتى.

ئورنىتىشماق

  • ئورنىتىشماق[يەشمىسى:] «ئورناتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئورنىتىلماق

  • ئورنىتىلماق[يەشمىسى:] «ئورناتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئورنىماق

  • ئورنىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىر جايدىن ئورۇن ئالماق، ئورناشماق:[مىسال:] دىلىمىزغا ئورنىدى، ئەخمەتجاننىڭ سۆزلىرى. ئۈمىد-ئىشەنچ نۇرىنى چاقنىتاتتى كۆزلىرى.[يەشمىسى:] ② بارلىققا كەلمەك، پەيدا بولماق؛ تىكلەنمەك:[مىسال:] ئىنقىلاب جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇستەھكەم دوستلۇق ئورنىغانىدى.

ئورۇس

  • ئورۇس[يەشمىسى:] «رۇسⅡ»قا قاراڭ.

ئورۇسگۈل

  • ئورۇسگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئورۇس+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقىنىڭ ئۇزۇن ساپىقى بار، شەكلى بەش بۇرجەك كېلىدۇ. گۈلى چوڭ بولۇپ، ياز پەسلىدە ئېچىلىدۇ. ئادەتتە ئۇ مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ. گۈلى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

ئورۇشماق

  • ئورۇشماق[يەشمىسى:] «ئورماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئورۇقⅠ

  • ئورۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئەت قونمىغان، سەمرىمىگەن، سېمىز ئەمەس:[مىسال:] ئىككى دېھقان بىر ئورۇق ئېشەكنى ھەيدەپ باجگىرنىڭ ئالدىغا كەپتۇ.[يەشمىسى:] ② يېتىلمىگەن:[مىسال:] ئورۇق دان.

ئورۇق ئات

  • ئورۇق ئات[يەشمىسى:] كەمبەغەل، نامرات، ئارانلا تۇرمۇش ئۆتكۈزۈۋاتقان:[مىسال:] ئاز كۆرمەي ئىلتىپات قىلىشسىلا، ئورۇق ئات ئادەممەن، ئۇششاق بالىلىرىم تولا.

ئورۇقⅡ

  • ئورۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورۇش ئىشى، ئورۇش.

ئورۇقسىز

  • ئورۇقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئورۇلمىغان، ئورۇلماي قالغان:[مىسال:] ھازىرغىچە ئورۇقسىز قالغان بۇ بۇغدايلار كىمنىڭدۇر

ئورۇقلاتماق

  • ئورۇقلاتماق[يەشمىسى:] «ئورۇقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئورۇقلۇقⅠ

  • ئورۇقلۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سەمرىمىگەن، ئورۇق ھالەت، سەمرىمەسلىك.

ئورۇقلۇقⅡ

  • ئورۇقلۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئورۇلغان، ئورۇپ قويۇلغان، ئورۇپ بولۇنغان:[مىسال:] ئورۇقلۇق بۇغداي.

ئورۇقلىتىلماق

  • ئورۇقلىتىلماق[يەشمىسى:] «ئورۇقلاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئورۇقلىماق

  • ئورۇقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئورۇق ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] شاھزادىنىڭ ئېتى كۈندىن-كۈنگە ئورۇقلاپ كېتىپتۇ.

ئورۇلماق

  • ئورۇلماق[يەشمىسى:] «ئورۇماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئورۇلۇق

  • ئورۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] «خامپا»غا قاراڭ.

ئورۇم

  • ئورۇم[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] زىرائەت ياكى ئوت-چۆپنىڭ ئورغاق بىلەن بىرلا قېتىمدا ئورۇشقا بولىدىغان بىر قىسمى:[مىسال:] بىر ئورۇم بۇغداي.

ئورۇن

  • ئورۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئادەم، نەرسە ئىگىلەپ تۇرغان ياكى ئىگىلىشى مۇمكىن بولغان يەر، جاي، مەيدان ياكى بوشلۇق، تەكشىلىك:[مىسال:] ئۇنىڭ كىيىملىرى، سەللىسى ئۆزى قويغان ئورۇندا تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② ئادەم ياكى نەرسە ئۈچۈن تەييارلانغان ياكى بەلگىلەنگەن مەخسۇس جاي:[مىسال:] ئۇ كارىۋاتنى يەنە ئۆز ئورنىغا جايلاشتۇردى.[يەشمىسى:] ③ ئۇخلاش، يېتىپ دەم ئېلىش ئۈچۈن راسلانغان يوتقان-كۆرپە، ياستۇق قاتارلىقلار:[مىسال:] ئورۇن سېلىپ قويدۇم، ئەمدى ئۇخلا بالام، دېدى ئانىسى.[يەشمىسى:] ④ ياشاش ئۈچۈن باشپاناھ، تۇرار جاي، ماكان:[مىسال:] كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن بۇ شەھەردىن بىرەر كىشىلىك ئورۇن تېپىلىپ قالار.[يەشمىسى:] ⑤ بىرەر نەرسىنىڭ مەلۇم بىر جايى، قىسمى، بۆلىكى:[مىسال:] قوليازمىنىڭ بەزى ئورۇنلىرى تۇتۇق ئىدى.[يەشمىسى:] ⑥ ئىدارە جەمئىيەت، ئورگان، تەشكىلات:[مىسال:] شۇ كۈنكى تازىلىققا 68 نازارەت، ئىدارە ۋە ئورۇن قاتناشتى.[يەشمىسى:] ⑦ بىرەر كەسىپ، ئىش، تىجارەت تۈرلىرى بويىچە پائالىيەت داۋاملىشىدىغان جاي، يەر:[مىسال:] تەتقىقات ئورنى. داۋالاش ئورنى. مۇلازىمەت ئورنى. ئىش ئورنى. خىزمەت ئورنى.[يەشمىسى:] ⑧ بىرەر ئىش، ھەرىكەت قىلىشتىكى زۆرۈرىيەت، ھاجەت؛ ئېھتىياج ياكى شەرت-شارائىت:[مىسال:] قەسەم ئىچكەنلىكىم ئۈچۈن، قارشىلىق قىلىشقا ئورۇن قالمىغانىدى.[يەشمىسى:] ⑨ ئىش، خىزمەت؛ ۋەزىپە:[مىسال:] ئورنىنى ئىگىلىمەك. ئورنىغا ئادەم قويماق. ئورنىنى باسماق.[يەشمىسى:] 01 بىرەر كىشى ياكى نەرسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىكى نوپۇزى:[مىسال:] ھەر ئىككىمىز ناھىيە دەرىجىلىك ئىدارىدا ئىشلەيمىز. ئورنىمىز، مائاشىمىز، ھەتتا نام-ئابرويىمىزمۇ ئوخشاش.[يەشمىسى:] 11 مەلۇم ساھەدە ئېرىشكەن دەرىجە، نام:[مىسال:] ئۇ تىياتىر بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان داڭلىق ئارتىس ئىدى.[يەشمىسى:] 21 بىرەر ئىش-ھەرىكەتنىڭ بېجىرىلىشىدىكى قولاي پۇرسەت، پەيت، مۆرىت:[مىسال:] سۆزنى ئورنىدا ئىشلەتمەك.[يەشمىسى:] 31 تەۋەلىكⅢشەخس قوشۇمچىسى ۋە يۆنىلىش، ئورۇن كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن كېلىپ: 1) «ئەسلى»، «بۇرۇنقى ھالىتى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] كۆڭلى ئورنىغا چۈشمەك. ئورنىغا كەلمەسلىك.[يەشمىسى:] 2)[يەشمىسى:] «ئورنىدا، ئىزىدا، بەدىلىگە؛ ۋاكالەت» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر ھەپتە قاسىمنىڭ ئورنىدا ئىشلىدىم.

ئورۇن كېلىش

  • ئورۇن كېلىش[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ بەلگىلىك گرامماتىكىلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۆزى بېقىنىدىغان پېئىل بىلدۈرگەن ھەرىكەتنىڭ ۋاقتى، ئورنى قاتارلىقلارنى ئىپادىلەپ كېلىدىغان شەكلى. ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىملارنىڭ ئورۇن كېلىش شەكلى شۇ ئىسىمغا «-دا∥، -تا∥، -دە∥، -تە» قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ.

ئورنىنى قىلماق

  • ئورنىنى قىلماق[يەشمىسى:] ئامالىنى، ئېپىنى، چارىسىنى تاپماق، بىرەر ئىمكانىيەت، شارائىت تېپىپ قولغا كەلتۈرمەك:[مىسال:] 5000 يۈەننىڭ ئورنىنى قىلسام، شۇ ھامان بىر رەڭلىك تېلېۋىزور ئالاتتىم.

ئورنى ئىسسىماق

  • ئورنى ئىسسىماق[يەشمىسى:] مەلۇم بىرەر جاي ياكى ئەمەل-مەنسەپتە مۇستەھكەم تۇرۇپ قالماق:[مىسال:] ئىككى ئايدىلا ئۇنىڭ ئورنى بىر ئوبدان ئىسسىپ قالدى.

ئورنى يوق

  • ئورنى يوق[يەشمىسى:] ① ھاجەتسىز، زۆرۈر ئەمەس، ھاجىتى، زۆرۈرىيىتى يوق، ئورۇنسىز:[مىسال:] ئۇ سابىرنىڭ قىلىقىغا رەنجىشنىڭ زادىلا ئورنى يوق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.[يەشمىسى:] ② قانداق تۈگىگەنلىكى، نېمىگە خەجلەنگەنلىكى نامەلۇم، ئورۇنسىز (پۇل ھەققىدە):[مىسال:] بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ ھېسابىدىن 500 يۈەننىڭ ئورنى يوق چىقتى.

ئورۇنا

  • ئورۇنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چارۋىچىلارنىڭ دائىملىق قوش تىكىدىغان ئورنى.

ئورۇنباسار

  • ئورۇنباسار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئورۇن+باسار[[يەشمىسى:] ① بىرەر كىشىنىڭ ئىش-پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرغۇچى كىشى، ئىزباسار، ۋارىس، ئەڭ مۇۋاپىق شاگىرت.[يەشمىسى:] ② مۇئاۋىن.

ئورۇن-تۆشەك

  • ئورۇن-تۆشەك[يەشمىسى:] ئورۇن ۋە تۆشەك، ئومۇمەن يېتىپ قوپىدىغان جاي ۋە شۇنىڭغا لازىملىق يوتقان-كۆرپە.

ئورۇنداتماق

  • ئورۇنداتماق[يەشمىسى:] «ئورۇندىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئورۇنداشماق

  • ئورۇنداشماق[يەشمىسى:] «ئورۇندىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئورۇندالماق

  • ئورۇندالماق[يەشمىسى:] «ئورۇندىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئورۇندۇق

  • ئورۇندۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئولتۇرۇش ئۈچۈن ياغاچ، مېتال قاتارلىقلاردىن ياسالغان نەرسىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى:[مىسال:] بازارچى ئايال تەختنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپتۇ.

ئورۇندۇقلۇق

  • ئورۇندۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئورۇندۇق بار، ئورۇندۇق قويۇلغان؛ ئورۇندۇق ئورنىتىلغان:[مىسال:] ئۇ ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۇرغان ئورۇندۇقلۇق غالتەكنى ئەكېلىپ، ئادىلنى شۇنىڭغا يۆلەپ چىقاردى.

ئورۇندىماق

  • ئورۇندىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىش-ھەرىكەت، خىزمەت قاتارلىقلارنى بېجىرمەك، ئادا قىلماق، ئىجرا قىلماق، ئەمەلدە كۆرسەتمەك:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ھېچبىر تەخىرسىزلا ئورۇنداپ پۈتتۈردۈم.[يەشمىسى:] ② شېئىر، ناخشا قاتارلىقلارنى ئوقۇماق، ئېيتماق، ئىجرا قىلماق:[مىسال:] ئۇلار يول بويى قىزىل ئارمىيىنىڭ ھەربىي شېئىرىنى ئۇرۇنداپ ماڭدى.

ئورۇنسىز

  • ئورۇنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئورنى يوق:[مىسال:] ئورۇنسىز قالماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىھۇدە، ئارتۇقچە، ئاساسسىز، ئەھمىيەتسىز:[مىسال:] سەن ئۇنىڭدىن ئورۇنسىز ئەنسىرەپ يۈرمە.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە بولۇۋاتقان ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆزگە مۇناسىۋەتسىز، باغلىنىشى يوق؛ ئەھمىيەتسىز:[مىسال:] مەن ئورۇنسىز سۆز قىلمايدىغان ئادەملىكىمنى ئۇلارغىمۇ كۆرسەتمەكچى بولدۇم.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق، پايدىسىز، ناتوغرا، نامۇۋاپىق، ئەھمىيەتسىز:[مىسال:] ئورۇنسىز ئىشلارغا پۇل خەجلىمە دېدى ئۇ ئوغلىغا تەنبىھ بېرىپ. ∥ ئادەم بولساڭ، ھامان بىركۈنى ئورۇنسىز ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنىڭ ئىچ ئاغرىقىنى تارتىسەن.

ئورۇنسىزلىق

  • ئورۇنسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورۇنسىز قىلىنغان ئىش، گەپ-سۆز، بىھۇدىلىك:[مىسال:] ئورۇنسىزلىق قىلماق.

ئورۇن-كۆرپە

  • ئورۇن-كۆرپە[يەشمىسى:] ئورۇن ۋە كۆرپە، ئومۇمەن يېتىپ-قوپىدىغان جاي ۋە شۇنىڭغا لازىملىق يوتقان-كۆرپە.

ئورۇنلاتماق

  • ئورۇنلاتماق[يەشمىسى:] «ئورۇنلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئورۇنلاشتۇرماق

  • ئورۇنلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئورۇنلاشماقⅡ»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئورۇنلاشتۇرۇشماق

  • ئورۇنلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ئورۇنلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئورۇنلاشماقⅠ

  • ئورۇنلاشماقⅠ[يەشمىسى:] «ئورۇنلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئورۇنلاشماقⅡ

  • ئورۇنلاشماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر جايغا ماكانلاشماق، شۇ جاينى ئىگىلىمەك:[مىسال:] ئۇ 50-يىللاردىلا مۇشۇ يېزىغا كېلىپ ئورۇنلاشقانىدى.[يەشمىسى:] ② ئومۇمەن ۋاقىتلىق تۇرالغۇ، قونالغۇ قىلىش ئۈچۈن چۈشمەك، قونالغۇ قىلماق:[مىسال:] ئۇلار ئاتۇش مەھەللىسىدىكى جامال گايىتنىڭ سارىيىغا ئورۇنلاشتى.[يەشمىسى:] ③ جايلاشماق، بىنا قىلىنماق، سېلىنماق:[مىسال:] بۇ يېزا چەت بىر جاڭگاللىققا ئورۇنلاشقانىدى.[يەشمىسى:] ④ خىزمەتكە، ئىشقا ياكى ئوقۇشقا كىرمەك، مەلۇم بىر ساھەدە مۇلازىمەت قىلىشقا كىرىشمەك:[مىسال:] ئۇ ئىككى كۈن «يول» مېڭىپلا ناھىيىلىك رادىئو ئۇزىلىغا ئورۇنلاشتى.

ئورۇنلانماق

  • ئورۇنلانماق[يەشمىسى:] «ئورۇنلىماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئورۇنلۇق

  • ئورۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئورنى بار، يوللۇق، داۋلىلىق؛ پايدىلىق، ئەھمىيەتلىك، جايىدا، توغرا، مۇۋاپىق:[مىسال:] ئورۇنلۇق ئىش. ئورۇنلۇق گەپ. ئورۇنلۇق خىزمەت.

ئورۇنلىماق

  • ئورۇنلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ئورۇندىماق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئۇ مەتباقىنىڭ بۇيرۇقىنى ياۋاشلىق بىلەن ئورۇنلىدى.

ئورىدىماق

  • ئورىدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چوڭقۇرلاپ كەتمەك، ئولتۇرۇشۇپ ئورىدەك بولۇپ كەتمەك، چوڭقۇرلىماق.

ئورىغۇچى

  • ئورىغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئورايدىغان، ئوراش رولىنى ئوينايدىغان:[مىسال:] ئورىغۇچى تەنچە. ئورىغۇچى يوپۇرماق. ئورىغۇچى يىپچە.

ئورىگىنال

  • ئورىگىنال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئەسەرنىڭ ئاپتور تەرىپىدىن بىۋاسىتە يېزىلغان نۇسخىسى، ئەسلىي نۇسخىسى، كۇپىيىسى:[مىسال:] ماقالىنىڭ ئورىگىنالى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسە، ماقالە قاتارلىقلارنى يېزىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قەغەز؛ ماقالە قەغىزى.

ئورىماقⅠ

  • ئورىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسە بىلەن ھەممە تەرىپىنى يېپىپ يىغماق، بەلگىلىك شەكىلدە يۆگىمەك:[مىسال:] ئۇ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن چىشىنى ئېلىپ ھېلىقى لاتىغا ئوراپ يانچۇقىغا سالدى.[يەشمىسى:] ② قاپلىماق، قورشىماق، تۆت ئەتراپىنى توسماق:[مىسال:] گۇگۇم بارا-بارا قارا پەردىسى بىلەن زېمىننى ئورىدى.[يەشمىسى:] ③ ئەتراپىغا جۇغلاشماق، ئارىغا، ئوتتۇرىغا ئېلىۋالماق:[مىسال:] قىزلار ۋاھاپنى ئورىۋېلىپ چۇرقىراشتى.[يەشمىسى:] ④ مەلۇم نەرسىنى يەنە بىرنەرسە ئۈستىگە يۆگىمەك، ئايلاندۇرۇپ قاتمۇقات ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرماق:[مىسال:] ئۇ قامچىنىڭ دەستىسىگە تاسما ئورىدى.[يەشمىسى:] ⑤ ياپماق، توسماق:[مىسال:] ئۇ ئېغىز-بۇرنىنى ئورىۋالغان يۇڭ شارپىسى بىلەن خۇددى ھەجۋىي رەسىمگە ئوخشاپ قالغانىدى.

ئورىماقⅡ

  • ئورىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] توقۇلمىلارنىڭ يىپ تالالىرىنى چۇۋۇماق، بۇزماق، تاراتماق:[مىسال:] پايپىقىمنى سىم ئىلىۋېلىپ ئورىۋەتتى.

ئوزا

  • ئوزا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆتۈپ كەتكەن كۈن ياكى يىلنىڭ ئالدىدىكى:[مىسال:] ئوزا كۈن. ئوزا يىل.

ئوزاⅡ(ئوزايى)

  • ئوزاⅡ(ئوزايى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئەلپاز، تاشقى قىياپەت، تۇرق، سىرتقى كۆرۈنۈش، رەڭگىروي:[مىسال:] ئوزايىڭدىن قارىغاندا، بىر قىيىن ئىشقا دۇچ كەلگەندەك قىلىسەنغۇ دەپ سورىدى ئۇ مەندىن.[يەشمىسى:] ② كەيپىيات، روھ:[مىسال:] قىزنىڭ ئوزايىدىن يىگىتنى ئاللىقاچان كۆرگەنلىكى سېزىلىپ تۇراتتى.

ئوزاقى

  • ئوزاقى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «ئوزا»غا قاراڭ.

ئوزاقى يىل

  • ئوزاقى يىل[يەشمىسى:] ئۆتكەن يىلنىڭ ئالدىدىكى يىل.

ئوزدۇرماق

  • ئوزدۇرماق[يەشمىسى:] «ئوزماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوزماق

  • ئوزماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەممىدىن ئېشىپ چۈشمەك، ئالدىغا ئۆتۈپ كەتمەك:[مىسال:] زەر، جاۋاھىر كانى مەكتەپ سىز ئۈچۈن ئەي قىز-ئوغۇل، ياشلىقنىڭ قەدرىگە يېتىپ بىلىم ئالغان ئوزار.

ئوزون

  • ئوزون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئوكسىگېننىڭ ئاللوتروپىك شەكىل ئۆزگىرىشى، يەنى رەڭسىز، ئالاھىدە پۇراققا ئىگە گاز. سۇدا ئېرىيدۇ. توك ئۆتكەندە ياكى قۇياش ئۇلترا بىنەپشە نۇرىنىڭ تەسىرىدە ھاۋادىكى ئوكسىگېن ئوزۇنغا ئۆزگىرىدۇ. ئادەتتە ئوكسىدلىغۇچى ۋە مىكروب ئۆلتۈرگۈچى قىلىنىدۇ.

ئوزۇق

  • ئوزۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئومۇمەن يېيىشكە بولىدىغان تۈرلۈك مەھسۇلاتلار، يېمەك-ئىچمەك، ئاش-تاماق:[مىسال:] سەپەر ئوزۇقى.[يەشمىسى:] ② ئۆسۈملۈك قاتارلىقلارنىڭ ئۆسۈشى، سانائەت قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نەرسىلەر، زۆرۈرىي بۇيۇملار:[مىسال:] جىمى جانلىقلار يەردىن ئوزۇق ئېلىپ ھايات كەچۈرىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۈچ، ئىلھام، مەدەت، غەيرەت:[مىسال:] مەنىۋى ئوزۇق. روھىي ئوزۇق.

ئوزۇق-تۈلۈك

  • ئوزۇق-تۈلۈك[يەشمىسى:] ئومۇمەن ئوزۇق قىلىشقا بولىدىغان نەرسىلەر، يېمەك-ئىچمەكلەر.

ئوزۇقسىز

  • ئوزۇقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوزۇققا ئىگە بولمىغان، ئوزۇق يوق ھالەت?锄?قالغان، ئوزۇقى يوق:[مىسال:] ئوزۇقسىز بەش كۈن قانداق ھايات ياشىغىلى بولىدۇ دېدى ئۇ ھەيران بولۇپ.

ئوزۇقشۇناس

  • ئوزۇقشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوزۇقشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى.

ئوزۇقشۇناسلىق

  • ئوزۇقشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈرلۈك يېمەك-ئىچمەك، يەل-يېمىشلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى، قىممىتى، ئالاھىدىلىكى، سالامەتلىككە بولغان تەسىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم ياكى شۇنداق كەسىپ.

ئوزۇقلاندۇرماق

  • ئوزۇقلاندۇرماق[يەشمىسى:] «ئوزۇقلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوزۇقلاندۇرۇشماق

  • ئوزۇقلاندۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ئوزۇقلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئوزۇقلاندۇرۇلماق

  • ئوزۇقلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئوزۇقلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئوزۇقلانماق

  • ئوزۇقلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تاماق يېمەك، قورساق تويغۇزماق:[مىسال:] مېھمانلار ھېرىپ كەتكەندۇ، ئوبدان ئوزۇقلىنىپ ئارام ئالسۇن.[يەشمىسى:] ② ئۆسۈملۈك ۋە شۇ قاتارلىقلار ئۆسۈشى، يۈكسىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نەرسىلەرگە ئىگە بولماق، زۆرۈر ھاياتلىق مەنبەلىرىگە ئېرىشمەك:[مىسال:] ئەنە قاراڭ، بۇ سۇدىن ئوزۇقلانغان قاپاق تېرەكلەرمۇ ئاسمان پەلەك ئۆسۈپ كەتتى.[يەشمىسى:] ③ ئىلھاملانماق، كۈچلەنمەك، غەيرەتلەنمەك، كۈچ-قۇۋۋەت ئالماق:[مىسال:] بىز مىليونلىغان خەلقنىڭ قەلبىگە شۇڭغۇپ كىرىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىپ، يېڭى-يېڭى تېمىلاردا ھەم كۆپ، ھەم ئېسىل ئەسەرلەرنى يارىتايلى!

ئوزۇقلۇق

  • ئوزۇقلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوزۇقى بار، ئوزۇققا ئىگە، ئوزۇق بىلەن تەمىنلەنگەن:[مىسال:] ئوزۇقلۇق ئات ھارماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوزۇق بولۇش قىممىتىگە ئىگە. ئوزۇق بولىدىغان:[مىسال:] ئوزۇقلۇق ماتېرىياللىرىنىڭ بار بولۇشى بىلەنلا، ئىنسانلارنىڭ ئوزۇقلىنىش مەسىلىسى ھەل بولۇپ كەتمەيدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەخسۇس ئوزۇق قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان، يېيىش-ئىچىشكە ئاتالغان:[مىسال:] سېلىم تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى ئوزۇقلۇق ئاشلىقنى كۆتەك ھارۋىغا بېسىپ مەھەللىدىن چىقىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەخسۇس ئوزۇق بولىدىغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىلىدىغان:[مىسال:] ئاممىنىڭ رايىدىن قارىغاندا، ئوزۇقلۇق ئېتىزى بېرىش ئۇلارنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە ئايلانغاندەك قىلاتتى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوزۇق بولىدىغان، يېگىلى بولىدىغان نەرسە، ئومۇمەن يېيىش، ئىچىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان نەرسىلەر:[مىسال:] ئۇ بۆز توقۇيدىغان ئۈچ تال موكىسىنى خورجۇنغا سېلىپ، ئازراق ئوزۇقلۇق ئېلىپ، جاڭگالغا قاراپ مېڭىپتۇ.

ئوزۇق-ئوقەت

  • ئوزۇق-ئوقەت[يەشمىسى:] ئومۇمەن يەپ-ئىچىدىغان نەرسىلەر، يېمەكلىكلەر.

ئوسا

  • ئوسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تېرىلغۇ يەرلەرنى تېرىشتىن بۇرۇنقى سۇغىرىش، سۇ قويۇش:[مىسال:] ئوسا قىلماق.[يەشمىسى:] ② تېرىشتىن بۇرۇن سۇ قويۇلغان ياكى سۇ قويۇلىدىغان يەر:[مىسال:] ئوسىسى كېلىشمەك.

ئوسال

  • ئوسال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يامان، ئەسكى، ناچار؛ بۇزۇق:[مىسال:] ئۆيىمىزدىكى ھېلىقى شەقىقە بەك ئوسال بىرنەرسە چىقىپ قالدى.

ئوساللاشتۇرماق

  • ئوساللاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئوساللاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوساللاشتۇرۇشماق

  • ئوساللاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ئوساللاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئوساللاشتۇرۇلماق

  • ئوساللاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئوساللاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئوساللاشماق

  • ئوساللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئوسال بولماق. ئوسال، يامان ھالەتكە كەلمەك، يامانلاشماق:[مىسال:] ئۇنىڭ روھى-ھالىتى، مىجەزى رەھىمجاندىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە ئوساللىشىپ كېتىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② مات بولماق، شەرمەندە بولماق، ئۇياتقا قالماق:[مىسال:] ئۆزلىرىنى چاغلىماي شىلتىڭ ئاتمىسىلا، بىكار ئوساللىشىپ قايتىپ كېتىدىلا، ئۆزىنى سورىغان شەھەر سوراپتۇ، دەيدۇ.

ئوساللىق

  • ئوساللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەسكىلىك، يامانلىق:[مىسال:] ئوساللىق قىلماق.

ئوسما

  • ئوسما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى ئۇزۇن، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. تۈۋىدىكىلىرىنىڭ ساپىقى بار، شەكلى سوقىچاق، غولىدا ئۆسكەنلىرى تۆمۈنە شەكلىدە بولىدۇ. گۈلى ئومۇم گۈل رېتىدە، كىچىك ۋە سېرىق رەڭلىك. مېۋىسى مۈڭگۈزسىمان مېۋە، يوپۇرمىقى بوياق ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. يوپۇرمىقىدىن چىققان سۇيۇقلۇقتا قىزلار قېشىنى بويايدۇ. يىلتىز ۋە يوپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ. قىزىتمىنى قايتۇرۇش، قان توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش روللىرىغا ئىگە.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى.

ئوسما قويماق

  • ئوسما قويماق[يەشمىسى:] ئوسما سۈيىنى قاشقا مۇۋاپىق ھالەتتە سۈرمەك.

ئوسموس

  • ئوسموس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇقنىڭ جىسىمنىڭ سىرتقى يۈزىدىن ئاستا-ئاستا ئىچىگە سىڭىپ كىرىش جەريانى.

ئوسموسلۇق

  • ئوسموسلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇقنىڭ سىڭىشىگە ئائىت:[مىسال:] ئوسموسلۇق بېسىم. ئوسموسلۇق كۈچ.

ئوسمىي

  • ئوسمىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى (Osmium)Os. سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 48.22. مېتاللار ئىچىدە سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى ئەڭ چوڭ، رەڭگى كۆك، كۈل رەڭ، پارقىراق، قاتتىق لېكىن چۈرۈك. ئوسمىي بىلەن ئىرىدىينىڭ قېتىشمىسى سائەت، ئەسۋابلارنىڭ ئوقى ۋە قەلەم ئۇچىنى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ئوسۇرتماق

  • ئوسۇرتماق[يەشمىسى:] «ئوسۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوسۇرغاق

  • ئوسۇرغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولا ئوسۇرىدىغان، ئوسۇرۇپلا تۇرىدىغان:[مىسال:] ئوتتۇز ئوغلۇم بولغۇچە، ئوسۇرغاق ئېرىم بولسىچۇ (ماقال). ∥قۇرۇق توۋرا ئاتنى ئوسۇرغاق قىلار (ماقال). ∥ ئوسۇرغاققا ئارپا نېنى باھانە (ماقال).

ئوسۇرماق

  • ئوسۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەقئەتتىن يەل چىقارماق:[مىسال:] چېرىكلەردىن بىرى قورقۇپ كەتكەنمۇ قانداق، تۇيۇقسىزلا يۇقىرى ئاۋازدا ئوسۇرۇۋەتتى.

ئوسۇرۇشماق

  • ئوسۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ئوسۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئوسۇرۇق

  • ئوسۇرۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مەقئەتتىن چىققان يەل.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] «ئەرزىمەيدۇ، ئەھمىيەتسىز» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ گېپى ئوسۇرۇققا تەڭ.

ئوسرۇقىغا ئالماسلىق

  • ئوسرۇقىغا ئالماسلىق[يەشمىسى:] قىلچە پەرۋا قىلماسلىق، زادىلا كۆزگە ئىلماسلىق، پىسەنت قىلماسلىق؛ پەس كۆرۈش، قىممىتى يوق دەپ قاراش:[مىسال:] خوتۇنى ئۇنىڭ گېپىنى ئوسۇرۇقىغا ئالمايدۇ.

ئوسۇڭ

  • ئوسۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئۇزۇن، سوقىچاق، گۈلى باشسىمان گۈل رېتىدە، رەڭگى سېرىق. غولى ۋە يوپۇرمىقى ئادەتتىكى كۆكتات ھېسابلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈك غولى.

ئوسۇڭلۇق

  • ئوسۇڭلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوسۇڭ تېرىلغان ئېتىز، يەر.

ئوسېتر

  • ئوسېتر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بېلىقلارنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى، چوڭلىرىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى بەش مېتىر كېلىدۇ. تېنىدە بەش قاتار قاتتىق تەڭگىچىلىرى بار، ئېغىزى ئالدىغا ئۆسۈپ چىققان، يېرىم ئاي شەكلىدە، ئىككى تەرەپتە يالپاق بۇرۇتچىلىرى بار. ياز پەسىللىرىدە دەريا سۇلىرىغا تۇخۇم سالىدۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، دېڭىزغا قايتىپ ھايات كەچۈرىدۇ.

ئوش

  • ئوش[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ① كالىلارنى توسۇش، ھەيدەش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ: «ئوش، ئوش...» دەپ كالىلىرىنى توسۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى.[يەشمىسى:] ② ياقتۇرماسلىق، بىزار بولۇش، نارازىلىق، ئاچچىقلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ، ئادەتتە سوزۇپراق ئېيتىلىدۇ:[مىسال:] ئوش، يوللىرىغا ماڭسىلا، دېدى ھېلىقى چوكان ئەخەتنى سىلكىشلەپ.

ئوشە

  • ئوشە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توشقان تۇتىدىغان تور.

ئوشتۇتماق

  • ئوشتۇتماق[يەشمىسى:] «ئوشتۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوشتۇشماق

  • ئوشتۇشماق[يەشمىسى:] «ئوشتۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئوشتۇلماق

  • ئوشتۇلماق[يەشمىسى:] «ئوشتۇماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بېگىڭگە يەتكۈچە بېلىڭ ئوشتۇلار(ماقال).

ئوشتۇماق

  • ئوشتۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پارچە-پارچە قىلماق، پارچىلىماق؛ سۇندۇرماق:[مىسال:] ياماننىڭ سۈيىنى ئىچكۈچە، قاپىقىنى ئۇشتۇۋەت (ماقال).

ئوششاق

  • ئوششاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام»نىڭ سەككىزىنچىسىنىڭ نامى:[مىسال:] ئوششاق مۇقامى.

ئوششاق مۇقامى

  • ئوششاق مۇقامى[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ سەككىزىنچىسى. بۇ مۇقام ئاساسەن 23 نەغمە بولۇپ، چوڭ نەغمىگە 14 نەغمە، 90 مىسرا؛ 3 داستانغا 6 نەغمە، 50 مىسرا؛ 3 مەشرەپتە 3 نەغمە 46 مىسرا جايلاشقان.

ئوشۇقⅠ

  • ئوشۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بەلگىلىك مىقدار ۋە ساندىن كۆپ، زىيادە، ئارتۇق:[مىسال:] بازاردا شۇنچە تۇرۇپ باقتىم، پىيمىنى زادى يەتتە كويدىن ئوشۇق سورىمىدى.[يەشمىسى:] ② ئېھتىياجدىن، نورمىدىن ئاشقان؛ ئارتۇقچە، بىھۇدە، ئېشىپ كەتكەن:[مىسال:] ئوشۇق چىقىم. ئوشۇق گەپ. ∥پاتەم ئوڭايسىزلىنىشقا، ئۆزىنى ئوشۇق ھېس قىلىشقا باشلىدى.

ئوشۇقⅡ

  • ئوشۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پۇتنىڭ پاقالچاق سۆڭىكى بىلەن تۆۋەنكى قىسمىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان، ئوڭ-سول ئىككى تەرەپكە بۆرتۈپ چىققان سۆڭەك:[مىسال:] شۇ قېتىمقى جەڭدە يەر بېغىرلاپ كەلگەن بىر پاي ئوق ئۇنىڭ ئوشۇقىنى چېقىۋەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ② قوي، ئۆچكە قاتارلىقلارنىڭ پاچىقى بىلەن سانىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كىچىك سۆڭەك، ئادەتتە ئۇ قىمارۋازلارنىڭ قىمار قورالىمۇ قىلىنىدۇ.

ئوشۇق ئوينىماق

  • ئوشۇق ئوينىماق[يەشمىسى:] ئوشۇق ئېتىش يولى بىلەن، ئوشۇقنى قورال قىلىپ قىمار ئوينىماق.

ئوشۇقى ئالچۇ چۈشمەك

  • ئوشۇقى ئالچۇ چۈشمەك[يەشمىسى:] تەلىيى، ئامىتى ئوڭدىن كەلمەك، ئىشلىرى يۈرۈشۈپ كەتمەك، تىلىگەن تىلىكىگە يەتمەك:[مىسال:] تاغىسىنىڭ قايتىپ كېلىشى نادىرنىڭ ئوشۇقىنى ئالچۇ چۈشۈردى.

ئوشۇق-تۆشۈك

  • ئوشۇق-تۆشۈك[يەشمىسى:] ئېھتىياجدىن كۆپ، زىيادە، ئارتۇق.

ئوشۇق-تۆشۈك گېپى يوق

  • ئوشۇق-تۆشۈك گېپى يوق[يەشمىسى:] قالايمىقان، كەلسە-كەلمەس گەپ قىلمايدىغان، ياۋاش، تىنچ:[مىسال:] ئۇئىشقا پۇختا، ئوشۇق-تۆشۈك گېپى يوق بالا ئىدى.

ئوشۇقتىن-ئوشۇق

  • ئوشۇقتىن-ئوشۇق[يەشمىسى:] بىكاردىن-بىكار، ئەھمىيەتسىزلا، ئورۇنسىزلا:[مىسال:] مەن ئوشۇقتىن-ئوشۇق بىرمۇنچە نەرسىلەرنى ئويلاپ يۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ

ئوشۇقچە

  • ئوشۇقچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىكاردىن-بىكار، ئارتۇقچە، ھەددىدىن كۆپ، ئەھمىيەتسىزلا:[مىسال:] ئوشۇقچە ئاۋارە بولماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لازىمى يوق، بىھۇدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، ئەھمىيەتسىز، قىممەتسىز:[مىسال:] مەن بۇ ئۆيدە ئوشۇقچە ئادەمدەك قىسىلىشقا باشلىدىم.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نورمىدىن ئارتۇق، ئېشىپ قالغان، ئارتۇق:[مىسال:] ئوشۇقچە كۈچنىڭ ھممىسى مۇشۇ يەرگە سەرپ قىلىندى.

ئوشۇقچىلىق

  • ئوشۇقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىدىن ئېشىپ قېلىشى، ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ بولۇپ كېتىشى:[مىسال:] ماشىنىلارنىڭ ياخشىلىنىشى ئادەم ئەمگىكىنىڭ ئوشۇقچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئوشۇقلۇق

  • ئوشۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېھتىياج ۋە تەلەپتىن ئېشىپ كېتىش، ئارتۇقلۇق:[مىسال:] بۇ سۇ ئوشۇقلۇق قىلمايدۇ.

ئوغا

  • ئوغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① زەھەر:[مىسال:] ئوغۇل بالا ئوغا يەپ سىڭدۈرەر (ماقال). * ئوغىدىن شىپا ئىزدىمە. ئوغرىدىن ۋاپا ئىزدىمە (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاچچىق، غەزەپ:[مىسال:] ئوغىسى قاينىماق. ئوغىسى ئۆرلىمەك.

ئوغرى

  • ئوغرى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئىگىسىگە تۇيدۇرماي ئېلىۋالغۇچى، ئوغرىلىغۇچى:[مىسال:] ئوغرى گۇمانخور كېلىدۇ (ماقال).

ئوغرى باغ تاسما

  • ئوغرى باغ تاسما[يەشمىسى:] قۇشقۇننى ئۇلاش ئۈچۈن ئېگەرنىڭ ئارقا تەرىپىگە بېكىتىلگەن تاسما.

ئوغرى بوي

  • ئوغرى بوي[يەشمىسى:] كۆرۈنۈشتە پاكاردەك كۆرۈنىدىغان، ئەمەلىيەتتە ئېگىز بولغان.

ئوغرى تۇتماق

  • ئوغرى تۇتماق[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنى ئوغرىلىۋالدى دەپ گۇمان قىلماق.

ئوغرى چىش

  • ئوغرى چىش[يەشمىسى:] ياندىن چىقىپ قالغان ئوشۇق چىش.

ئوغرى يانچۇق

  • ئوغرى يانچۇق[يەشمىسى:] كىيىمنىڭ باشقىلار ئاسان بىلمەيدىغان، كۆرەلمەيدىغان يەرلەرگە ئورنىتىلغان، كىچىك يانچۇق.

ئوغرى يول

  • ئوغرى يول[يەشمىسى:] كۆپ كىشىلەر بىلمەيدىغان، كىشىلەرگە تازا تونۇشلۇق بولمىغان كىچىك چىغىر يول.

ئوغرىتىكەن

  • ئوغرىتىكەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئوغرى+تىكەن[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئوغرىتىكەن ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى پەيسىمان، كىچىك يوپۇرمىقى سوقىچاق، گۈلى كىچىك ۋە سېرىق. مېۋىسىدە قاتتىق تىكەنلەر بار. تىكەنلىك مېۋىسى دورا قىلىنىدۇ، جىگەرنى ياشارتىش، يەلنى تارقىتىش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، قاننى ماڭدۇرۇش، قىچىشىشنى بېسىش رولى بار.

ئوغرىلاتماق

  • ئوغرىلاتماق[يەشمىسى:] «ئوغرىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوغرىلاشماق

  • ئوغرىلاشماق[يەشمىسى:] «ئوغرىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئوغرىلانماق

  • ئوغرىلانماق[يەشمىسى:] «ئوغرىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئوغرىلىق

  • ئوغرىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى ئوغرىلىۋالىدىغان قىلىق، شۇنداق پەس ئىش-ھەرىكەت:[مىسال:] ئوغرىلىق قىلماق.

ئوغرىلىقچە

  • ئوغرىلىقچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يوشۇرۇنچە، سەزدۈرمەي، باشقىلارغا بىلىندۈرمەي:[مىسال:] بەزى ھاشارچىلار ئوغرىلىقچە قاچقاندا، دۈشمەنلەر ئېتىپ تاشلىدى.

ئوغرىلىماق

  • ئوغرىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى يوشۇرۇنچە ئېلىۋالماق:[مىسال:] تۆنۈگۈن يەنە بالا ئوغرىلىغان ئۈچ ئوغرى تۇتۇلدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چاچماق، بۆلمەك، قالايمىقانلاشتۇرماق (ئەقىل، پىكىرگە ئوخشاش روھىي دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر ھەققىدە):[مىسال:] «ئوينايمىز» دېگەن بۇ سۆز مېنىڭ ئەقلىمنى ئوغرىلاپ، تىلىمنى كېسىپ مەيلىمنى بەند قىلماقتا ئىدى.

ئوغرى-يالغان

  • ئوغرى-يالغان[يەشمىسى:] ئوغرى ياكى ئوغرىغا ئوخشاشلار، ئومۇمەن ئوغرىلىق قىلىدىغانلار.

ئوغلاق

  • ئوغلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئۆچكىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىسى.

ئوغلاق تارتىشىش

  • ئوغلاق تارتىشىش[يەشمىسى:] بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى. بۇنىڭدا بوغۇزلانغان ئوغلاق ئوتتۇرىغا سېلىنىپ، نەچچە ئونلىغان ئاتلىق ماھىرلار ئۇنى تالىشىدۇ. كىم ئۇنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا ئاپىرىپ تاشلىسا، ئۇتقان بولىدۇ.

ئوغلاقچى

  • ئوغلاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوغلاق تارتىشىش ئويۇنىغا قاتناشقان ھەم ئۇنىڭغا ماھىر كىشى.

ئوغلاقلىق

  • ئوغلاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوغلىقى بار، ئوغلاق تۇغقان:[مىسال:] ئۆيدىن ئۆيگە كۆچسەك، ئوغلاقلىق ئۆچكىگە زىيان (ماقال).

ئوغلان

  • ئوغلان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئەر، ئوغۇل؛ ئوغۇل پەرزەنت:[مىسال:] نەسىھەت بۇ، ئوغلانلىرىم، ئاڭلا سۆزۈم، ئۆتمۈشتە كۆپ ئىشلارنى كۆرگەن ئۆزۈم.[يەشمىسى:] ② باتۇر، قورقماس، مەرد يىگىت:[مىسال:] ۋەتىنىگە مېھرى سوغلار ئوغلان بولالماس، دۈشمىنىگە قەھرى يوقلار پالۋان بولالماس.

ئوغلانلىق

  • ئوغلانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەرد ئوغۇلغا خاس، ئوغۇل بالىدا بولۇشقا تېگىشلىك ياكى ئوغۇل بالا ئۈستىگە ئالىدىغان:[مىسال:] ئوغلانلىق بۇرچۇڭ ئاقلىنار ھامان، ئۆمۈر يولىدا شان-شەرەپ قۇچساڭ.

ئوغۇ

  • ئوغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ياغاچتىن ئويۇپ ياسالغان ھاۋانچا.

ئوغۇت

  • ئوغۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەرلەرگە چېچىلىدىغان مال-ۋارانلارنىڭ قىغى ۋە خىمىيىلىك ئۇسۇلدا ياسالغان شۇنداق رولغا ئىگە نەرسىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى:[مىسال:] ئوغۇت توپلىماق. ئوغۇت توشۇماق.

ئوغۇتسىز

  • ئوغۇتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوغۇت يوق، ئوغۇت بېرىلمىگەن، ئوغۇتلانمىغان، ئوغۇت چېچىلمىغان:[مىسال:] ئوغۇتسىز زىرائەت، ھوسۇلسىز زىرائەت.

ئوغۇتلاتماق

  • ئوغۇتلاتماق[يەشمىسى:] «ئوغۇتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوغۇتلاشماق

  • ئوغۇتلاشماق[يەشمىسى:] «ئوغۇتلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئوغۇتلانماق

  • ئوغۇتلانماق[يەشمىسى:] «ئوغۇتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇغدايلار ئوغۇتلاندى.

ئوغۇتلۇق

  • ئوغۇتلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئوغۇت تۆكۈلگەن، ئوغۇت چېچىلغان، ئوغۇتلانغان. [يەشمىسى:] ② ئوغۇت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ئوغۇت قىلىشقا بولىدىغان، ئوغۇت بولىدىغان:[مىسال:] ئۇلار بۇ خىل ئاق قالغان يەرلەرگە ئوغۇتلۇق ئۆسۈملۈك تېرىشتى.

ئوغۇتلىماق

  • ئوغۇتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تېرىلغۇ يەرلەر ياكى زىرائەتلەرگە ئوغۇت چاچماق:[مىسال:] ئۇلار بۇغداي يېرىنى نەچچە ھارۋا بىلەن بىر كۈندىلا ئوغۇتلاپ بولدى.

ئوغۇزⅠ

  • ئوغۇزⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈركىي خەلقلىرىنىڭ قەدىمكى قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى.

ئوغۇزⅡ

  • ئوغۇزⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېڭى تۇغقان ئاياللار ۋە ھايۋانلارنىڭ دەسلەپكى، يەنى تۇغۇپ بىرقانچە كۈن جەريانىدىكى سۈتى.

ئوغۇز چىش

  • ئوغۇز چىش[يەشمىسى:] بالىلار ۋە ھايۋان بالىلىرىغا ئەڭ دەسلەپ چىققان چىش، سۈت چىشى.

ئوغۇل (ئوغلى)

  • ئوغۇل (ئوغلى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئەر جىنسقا تەۋە بولغان بالا، ئەر جىنسقا تەۋە پەرزەنت (ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن):[مىسال:] ئۇنىڭ ئامەت ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىكەن.[يەشمىسى:] ② بىرىنچى شەخس، ئىگىلىك قوشۇمچىسى بىلەن كېلىپ پەرزەنتى بىلەن تەڭ دېمەتلىك كىشىلەرگە قارىتا قىلىنغان مۇراجىئەتنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئوغلۇم، ئۇنداق قىلماڭ، ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن، دېدى بوۋاي يېلىنىپ.

ئوغۇل بالا

  • ئوغۇل بالا[يەشمىسى:] ① ئوغۇل.[يەشمىسى:] ② مەرد، قەھرىمان، غەيرەتلىك، قورقماس، باتۇر، ئالىيجاناب كىشى:[مىسال:] قاسىم ئاكا، ئوغۇل بالا ئىكەنسىز.[يەشمىسى:] ③ «يارايسەن، ياخشى قىلدىڭ، سەن نوچى، مەرد ئىكەنسەن» دېگەن مەنىلەردىكى ئاپىرىن ئوقۇش سۆزى:[مىسال:] ئوغۇل بالا، دېدى ئۇ ۋارقىراپ چۇقان سېلىپ، تازا سال بۇ تازنى، سەن ئوغۇل بالا ئىكەنسەن

ئوغۇلچاق

  • ئوغۇلچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك ئوغۇل بالىلارنى ئەركىلىتىش پورمىسى.

ئوغۇلچە

  • ئوغۇلچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇغۇللارغا خاس، ئۇغۇللارغا ئوخشاش، ئوغۇللارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان:[مىسال:] ئۇلار ھەتتا تۇغۇلغۇسى پەرزەنتى ئوغۇل بولسا ئوغۇلچە، قىز بولسا قىزچە ئىسىملارنىمۇ تەييارلاپ قويۇشقانىدى. ∥«نېمىگە ئوغۇلچە ياسىنىۋالدىلا» دېدى ئۇ قىزىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ تۇرۇپ.

ئوغۇلچىلاپ

  • ئوغۇلچىلاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① ئوغۇلچە، ئوغۇلغا ئوخشاش:[مىسال:] ئوغۇلچىلاپ ماڭماق.[يەشمىسى:] ② ئوغۇل پېتى، ئوغۇل بولۇپ:[مىسال:] ئوغۇلچىلاپ كىرمەك.

ئوغۇلچىلاپ كىرمەك

  • ئوغۇلچىلاپ كىرمەك[يەشمىسى:] يىگىتلەر ئۆزى توي قىلغان قىزنىڭ ئۆيىگە بالا بولۇپ كىرمەك.

ئوغۇلسىز

  • ئوغۇلسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوغلى يوق، ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەن ياكى ئوغۇللۇق بولمىغان:[مىسال:] كەچتىم سېنىڭدەك مېنىڭ ئوغلۇم يوق، سەندەك ئوغۇلسىز، مېنىڭ كۆڭلۈم توق. ∥ئەمدى ئۇ ئوغلى قازا قىلىپ كېتىپ ئوغۇلسىز قالدى.

ئوغۇل-قىز

  • ئوغۇل-قىز[يەشمىسى:] ئوغۇل ۋە قىز:[مىسال:] ۋەتەن ئوغۇل-قىزلىرى.

ئوغۇللۇق

  • ئوغۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئوغلى بار، ئوغۇلغا ئىگە، ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن:[مىسال:] سىزمۇ ئۈچ ئوغۇللۇق بولغان ئادەم، بۇ ئىشلارنى بىلىشىڭىز كېرەك، دېدى ئۇ.[يەشمىسى:] ② ئوغۇلغا خاس، ئوغۇلغا لايىق؛ ئوغۇللاردا بولۇشقا تېگىشلىك، ئوغۇل بالىدا بولۇش كېرەك بولغان:[مىسال:] ئۇ دادىسىغا ئوغۇللۇق مېھرى بىلەن قارىدى، ئوبدان كۈتتى.

ئوفىتسېر

  • ئوفىتسېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئارمىيىدىكى كوماندىرلار سوستاۋىغا مەنسۇپ ھەربىي خىزمەتچى، ھەربىي باشلىق.

ئوفىتسېرلىك

  • ئوفىتسېرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوفىتسېرلارغا يۈكلەنگەن ۋەزىپە، ئەمەل.

ئوقⅠ

  • ئوقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① يايغا قويۇپ ئېتىلىدىغان، ئۇچى نەيزە شەكىللىك، ئۇزۇن، ئىنچىكە تاياقچە:[مىسال:] ساداقتىكى ئوق.[مىسال:]>[يەشمىسى:] ② ھەرب<[يەشمىسى:] مىلتىق، تاپانچا، پىلىمۇت، زەمبىرەك قاتارلىقلارغا جايلاشتۇرۇپ ئېتىلىدىغان، ئېتىلغاندىن كېيىن ئۇچۇپ بېرىپ نىشانغا تېگىدىغان ۋەيران قىلىش، ئۆلتۈرۇش كۈچىگە ئىگە نەرسە:[مىسال:] ئوق ئاتماق. ئوق ئۈزمەك. ئوققا تۇتماق.

ئوق

  • ئوق[يەشمىسى:] ① Ⅱ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] تۈۋرۈك شەكىللىك دېتال. چاق ياكى باشقا ئايلىنىدىغان بۆلەكلەر ئۇنى بويلاپ ياكى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئايلانما ھەرىكەت قىلىدۇ:[مىسال:] ھارۋا ئوقى. چاقنىڭ ئوقى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تەكشىلىك ياكى گېئومېتىرىيىلىك شەكىلنى سىممېترىيىلىك بۆلەكلەرگە بۆلىدىغان تۈز سىزىق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر جىسىمنىڭ مەركىزىدىن ئۆتىدۇ دەپ پەرەز قىلىنغان تۈز سىزىق:[مىسال:] يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى سېكۇنتىغا 8.29 كىلومېتىر.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] توغرا يۆنەلگەن، ئاساسىي؛ تىك:[مىسال:] ئوق ئېرىق. ئوق يىلتىز.

ئوق يىلتىز

  • ئوق يىلتىز[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكنىڭ ئەڭ باشتا ئۆسۈپ چىققان يىلتىزى. تۆرەلمە يىلتىز ئۇرۇق پوستىنى يېرىپ چىقىپ ھاسىل بولىدۇ. ئادەتتە يەرگە تىك بولۇپ ئۆسىدۇ ھەمدە نۇرغۇنلىغان يان يىلتىزلارنى چىقىرىپ يىلتىز سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئوقⅢ

  • ئوقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈلۈش، تەڭ بۆلەك:[مىسال:] ئۈچ ئوق بولۇپ ئۆلۈشمەك.

ئوقەت

  • ئوقەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تىرىكچىلىك، ھاياتلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددىي نەرسىلەر:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ھال-ئوقىتى خېلىلا ياخشى ئىدى.[يەشمىسى:] ② تىرىكچىلىككە زۆرۈر بولغان ماددىي نەرسىلەرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن قىلىنغان ئىش، پائالىيەت؛ تىجارەت:[مىسال:] مەن بۈگۈنكى ئوقىتىمدىن خېلىلا مەمنۇن بولدۇم.

ئوقەتچى

  • ئوقەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى، تىجارەتچى.

ئوقەتچىلىك

  • ئوقەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش، تىجارەتچىلىك.

ئوقتەك

  • ئوقتەك[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ناھايىتى تېز؛ شارتتىدە:[مىسال:] ئوقتەك يۈگۈرمەك.

ئوقچۇتماق

  • ئوقچۇتماق[يەشمىسى:] «ئوقچۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوقچۇماق

  • ئوقچۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۈۋەجىمەك، بولدۇقلاپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلمەك، تاشماق (ھەرىكەتلىنىۋاتقان سۇيۇقلۇقلار ھەققىدە):[مىسال:] مۇزلار ھەربىر پارچىلانغاندا سىمابتەك سۇ تامچىلىرى مۇز ئۈستىگە ئوقچۇپ چىقىپ، ئەتراپقا يېيىلاتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سەكرىمەك، ئاتلاپ ئۆتمەك:[مىسال:] بىر چاغدا ئىت قانداقتۇر بىر كۈچنىڭ ياردىمى بىلەن بىرلا ئوقچۇپ ياسىننىڭ كەينىگە ئۆتۈۋاپتۇ.

ئوقدان

  • ئوقدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ساداق.[يەشمىسى:] ② ئىچىگە ئوق سېلىپ، بەلگە ئېسىۋالىدىغان بەلۋاغ. كۆن قاتارلىقلاردىن ياسىلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ مىلتىق، زەمبىرەك قاتارلىقلارنىڭ ئوق تۇرىدىغان قىسمى، بۆلىكى:[مىسال:] مىلتىقنىڭ ئوقدېنى.

ئوق-دورا

  • ئوق-دورا[يەشمىسى:] ① ئوق ۋە دورا.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] مىلتىق ئوقى، زەمبىرەك ئوقى، گرانات، بومبا، مىنا قاتارلىق تالاپەتكە ئۇچرىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ياكى باشقا ئالاھىدە رولى بار پارتلايدىغان بۇيۇملارنىڭ ئومۇمىي نامى.

ئوقرۇق

  • ئوقرۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «سايغاقⅠ»گە قاراڭ.

ئوقرۇق كېسىلى

  • ئوقرۇق كېسىلى[يەشمىسى:] ئوقرۇق چىۋىنلىرىنىڭ كالىلارنىڭ دۈمبە تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىدا پارازىت ياشىشىدىن بولىدىغان، زىيىنى ئېغىر سوزۇلما خاراكتېرلىك بىر خىل كېسەللىك.

ئوقرۇقلىماق

  • ئوقرۇقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تېپچەكلىمەك، بىئارام بولماق (بۇ ھادىسە ئوقرۇق قۇرتى كالا تېرىسىنى تېشىپ چىقىۋاتقاندا يۈز بېرىدۇ):[مىسال:] كالا ئوقرۇقلىدى.

ئوق-ساداق

  • ئوق-ساداق[يەشمىسى:] ئوق ۋە ساداق.

ئوقسىمان

  • ئوقسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوققا ئوخشاش، شەكلى ئوققا ئوخشايدىغان.

ئوقلاتماق

  • ئوقلاتماق[يەشمىسى:] «ئوقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوقلاشماق

  • ئوقلاشماق[يەشمىسى:] «ئوقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئوقلاقلىق

  • ئوقلاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوق سېلىقلىق:[مىسال:] ئوقلاقلىق مىلتىق.

ئوقلانماق

  • ئوقلانماق[يەشمىسى:] «ئوقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئوقلۇق

  • ئوقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئوق بار، ئوق سېلىنغان، ئوق قاچىلانغان.[يەشمىسى:] ② ئوق سىغىدىغان، ئوق قاچىلاشقا بولىدىغان، ئوق سالسا پاتىدىغان:[مىسال:] ئۇ يەتتە ئوقلۇق تاپانچىسىنى ئەختەمنىڭ مەيدىسىگە تىرىدى.

ئوقلىماق

  • ئوقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مىلتىق، تاپانچا، ئاپتومات، ئوقيا قاتارلىق ئېتىش قوراللىرىغا ئوق سېلىپ ئاتقۇدەك قىلماق:[مىسال:] ئۇ تۆپىلىككە يامىشىپ چىقىپ كېتىۋېتىپ ئاپتوماتنى ئوقلىدى.[يەشمىسى:] ② ھارۋا، ۋېلىسىپىت قاتارلىق ئوق بېكىتىلىدىغان قاتناش قوراللىرىغا ئوق بېكىتمەك، ئوق ئورۇنلاشتۇرماق:[مىسال:] بىز ئۈچ كۈن ئاۋارە بولۇپ ھارۋىنى ئوقلىغاندىن كېيىن يەنە يولغا چۈشتۇق.

ئوقۇبەت

  • ئوقۇبەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] روھىي ياكى جىسمانىي ئازاب، جاپا-مۇشەققەت؛ ئېغىر قىيىنچىلىق:[مىسال:] ئوقۇبەت بىرلە ئۆتكۈزدۈم قارا كۈننى يۈسۈپ ئوخشاش، زۇلەيخادەك ۋاپا ئەيلەپ مېنى بول كۈن ئېتىڭ باخ-باخ

ئوقۇبەتسىز

  • ئوقۇبەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئازاب-ئوقۇبىتى يوق:[مىسال:] ئوقۇبەتسىز تۇرمۇش.

ئوقۇبەتلىك

  • ئوقۇبەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئازابلىق، ئىنتايىن قىيىن، مۈشكۈل:[مىسال:] ئوقۇبەتلىك تۇرمۇش.

ئوقۇتقۇچى

  • ئوقۇتقۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بېرىدىغان، ئىلىم ئۆگىتىدىغان كىشى، مۇئەللىم.

ئوقۇتقۇچىلىق

  • ئوقۇتقۇچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەرس بېرىش ۋە ئۆگىتىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] ئوقۇتقۇچىلىق قىلماق.

ئوقۇتماق

  • ئوقۇتماق[يەشمىسى:] «ئوقۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوقۇتۇش

  • ئوقۇتۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] مەكتەپ ياكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم، ماھارەت ئۆگىتىش جەريانى:[مىسال:] ئوقۇتۇش پراكتىكىسى. ئوقۇتۇش مەشغۇلاتى.

ئوقۇتۇلماق

  • ئوقۇتۇلماق[يەشمىسى:] «ئوقۇتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئوقۇر

  • ئوقۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھايۋانلارغا يەم-خەشەك بېرىش ئۈچۈن، ھايۋانلارنىڭ بويى يەتكۈدەك ئېگىزلىكتە تەكچى شەكلىدە سېلىنغان، چۆرىسىدە كىچىك توسۇق-تېمى بولغان قۇرۇلما:[مىسال:] ئالمىغان ئاتقا ئوقۇر ساپتۇ (ماقال).

ئوقۇرى ئېگىز

  • ئوقۇرى ئېگىز[يەشمىسى:] تەكەببۇر، ھالى چوڭ، ھاكاۋۇر:[مىسال:] ئوقۇرى ئېگىز ئادەم.

ئوقۇرەك

  • ئوقۇرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ① يەلكىنىڭ ئۈستىدىكى ئويمان قىسمى.[يەشمىسى:] ② ئوقۇرەك سۆڭەك:[مىسال:] ئوقۇرەك ئۈستى ئويمىنى.

ئوقۇرسىمان

  • ئوقۇرسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەكلى ئوقۇرغا ئوخشاش، ئوقۇر شەكىللىك.

ئوقۇرلۇق

  • ئوقۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوقۇرى بار؛ ئوقۇر چىقىرىلغان ياكى ئوقۇر ھالىتىدىكى، ئوقۇرسىمان:[مىسال:] ئوقۇرلۇق بېتون تاختا.

ئوقۇرمەن

  • ئوقۇرمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىتاب، گېزىت-ژۇرناللارنى ئوقۇشقا قىزىققۇچى، كىتابخان.

ئوقۇش

  • ئوقۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈرلۈك بىلىم ۋە ماھارەت ئىگىلەش جەريانى.

ئوقۇشسىز

  • ئوقۇشسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئوقۇيالماي، مەكتەپكە كىرەلمەي ياكى ساۋاتلىق بولالماي:[مىسال:] ئوقۇشسىز قالماق.

ئوقۇشلۇق

  • ئوقۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>مائار<[يەشمىسى:] مەخسۇس دەرسلىك سۈپىتىدە پايدىلىنىدىغان كىتاب ياكى كونسپىك:[مىسال:] تىل-ئەدەبىيات ئوقۇشلۇقى. ماتېماتىكا ئوقۇشلۇقى.[يەشمىسى:] ② كىشىلەرنىڭ ياش چەكلىمىسى، كەسپى قاتارلىق ئايرىمىلىقلىرى بويىچە نەشر قىلىنغان كىتاب، ژۇرنال قاتارلىقلار:[مىسال:] ئۆسمۈرلەر ئوقۇشلۇقى. ياشانغانلار ئوقۇشلۇقى.

ئوقۇشماق

  • ئوقۇشماق[يەشمىسى:] «ئوقۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئوقۇش-ئوقۇتۇش

  • ئوقۇش-ئوقۇتۇش[يەشمىسى:] ئوقۇغۇچىلارغا تۈرلۈك بىلىم ۋە ماھارەتنى ئۆگىتىش، ئۇلارنىڭ بۇ بىلىم ۋە ماھارەتنى ئىگىلەش جەريانى.

ئوقۇغۇچى

  • ئوقۇغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھەر خىل مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان، ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان كىشى، ئۆگەنگۈچى:[مىسال:] بۇ فاكۇلتېتتا 3 سىنىپ، 99 نەپەر ئوقۇغۇچى بار.[يەشمىسى:] ② مەلۇم بىر مەتبۇئات ياكى مەلۇم بىر ژانىرغا ئائىت كىتابلارنى دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان كىشى، ئوقۇرمەن، كىتابخان:[مىسال:] مەن گېزىتىڭلارنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى بولۇپ بەرسەممۇ يېتەر، دېدى ئۇ كەمتەرلىك بىلەن.

ئوقۇغۇچىلىق

  • ئوقۇغۇچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەكتەپلەردە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىلىم تەھسىل قىلىش ئورۇنلىرىدا ئوقۇش، ئۆگىنىش بىلەن مەشغۇل بولۇش جەريانى.

ئوقۇل

  • ئوقۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] بىلىم يۇرتى، مەكتەپ.

ئوقۇلداش

  • ئوقۇلداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] مەكتەپداش، ساۋاقداش.

ئوقۇلماق

  • ئوقۇلماق[يەشمىسى:] «ئوقۇماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئوقۇماق

  • ئوقۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يېزىلغان نەرسە ياكى يازما تېكىستلارنى قەغەز يۈزىدىكى ھەرپلەر ئاساسىدا ئەينەن ئېيتىپ بەرمەك:[مىسال:] ئۇ بۇ گېزىتنى ئەتىگەندىن بېرى بىرنەچچە قېتىم ئوقۇپ چىققانىدى.[يەشمىسى:] ② ئوقۇش-يېزىشنى ئۆگەنمەك، ساۋاتلىق بولماق؛ ئوقۇش يۇرتى، مەكتەپ قاتارلىقلاردا بىلىم ئالماق، ئىلىم تەھسىل قىلماق، ئۆگەنمەك:[مىسال:] ئوقۇماي موللا بولغان، چوقۇماي قاغا بولغان (ماقال).[يەشمىسى:] ③ بىرەر تېكىست ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى يادقا ئېيتىپ، تىڭشىغۇچىلارغا ئاڭلاتماق:[مىسال:] سۇيۇمقان بىر چىنە بوزا كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئاۋۋال قوشاق ئوقۇدى.[يەشمىسى:] ④ ئېلان قىلماق، جاكارلىماق، ھۆكۈم قىلماق، ئېيتماق:[مىسال:] مەتكېرەم سۆزگە چىقىدىغانلارنىڭ ئىسمىنى ئوقۇدى.[يەشمىسى:] ⑤ مۇناسىۋەتلىك دىنىي پائالىيەتلەرنى بەجا كەلتۈرمەك، ئۆتىمەك، تۈگەتمەك:[مىسال:] ناماز ئوقۇماق.[يەشمىسى:] ⑥ يېڭى توي قىلىدىغان قىز-يىگىتنىڭ بىر-بىرىگە مەڭگۈلۈك ھالال جۈپ بولۇشقانلىقىنى خاس قائىدىلەر ئاساسىدا دەلىللىمەك، ئېلان قىلماق، جاكارلىماق:[مىسال:] غەم يېمە ئاكا، دېدى تۆمۈر خەلپە، نىكاھنى ئۆزۈم ئوقۇيمەن. قالغان ئىشلارمۇ ئۆز يولىدا بولۇپ كېتىدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ[يەشمىسى:] ⑦ ئىزھار قىلماق، بىلدۈرمەك، دېمەك، ئېيتماق:[مىسال:] كۆپچىلىك ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇدى.

ئوقۇمۇشلۇق

  • ئوقۇمۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ساۋاتلىق، مەلۇماتلىق، بەلگىلىك بىلىم-مەلۇماتقا ئىگە:[مىسال:] مەلىكە بەرنا ئۇقۇمۇشلۇق، ئەقىللىق، زېرەك قىز ئىدى.

ئوقيا

  • ئوقيا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئوق+ياي[[يەشمىسى:] قاتتىق ياغاچنىڭ ئىككى ئۇچىدىن يىپ تارتىپ ئېگىپ، يېرىم چەمبەر شەكلىدە ياسالغان، كىچىك نەيزىگە ئوخشاش ئوق ياساپ، شۇ ئوقنى سېلىپ ئاتىدىغان قەدىمكى ئۇرۇش قورالى.

ئوق-ياراغ

  • ئوق-ياراغ[يەشمىسى:] ئوق ۋە ياراغ، ئومۇمەن ئوق ۋە تۈرلۈك قوراللار.

ئوقيىلان

  • ئوقيىلان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئوق+يىلان[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] يىلاننىڭ بىر تۈرى. تېنى ئادەتتىكى يىلاندىن قىسقىراق بولۇپ، ئوقتەك تېز ئېتىلىدۇ.

ئوكتاۋا

  • ئوكتاۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئارىلىقى سەككىز ئاۋاز دەرىجىسىگە ئىگە ئىنتېرۋال.

ئوكسىد

  • ئوكسىد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] «ئوكسىدلار»غا قاراڭ.

ئوكسىدسىز

  • ئوكسىدسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھىدروگېن بىلەن قوشۇلغان ياكى ئوكسىگېن ئاتومىنى يوقاتقان.

ئوكسىدسىزلاندۇرماق

  • ئوكسىدسىزلاندۇرماق[يەشمىسى:] «ئوكسىدسىزلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوكسىدسىزلاندۇرغۇچى

  • ئوكسىدسىزلاندۇرغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوكسىدسىزلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان ماددا.

ئوكسىدسىزلاندۇرۇلماق

  • ئوكسىدسىزلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئوكسىدسىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئوكسىدسىزلانماق

  • ئوكسىدسىزلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ماددا خىمىيىۋى رېئاكسىيە جەريانىدا ھىدروگېن بىلەن قوشۇلماق ياكى ئوكسىگېن ئاتومىنى يوقاتماق.

ئوكسىدسىزلىغۇچى

  • ئوكسىدسىزلىغۇچى[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوكسىدسىزلاش رولىنى ئوينايدىغان، ئوكسىدسىزلايدىغان:[مىسال:] ئوكسىدسىزلىغۇچى ئېنزىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خىمىيىۋى رېئاكسىيىدە ئېلېكترون يوقىتىدىغان ماددا.

ئوكسىدسىزلىق

  • ئوكسىدسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماددىنىڭ خىمىيىۋى رېئاكسىيىدە ئوكسىدسىزلىنىش، ئوكسىد ھاسىل قىلماسلىقى.

ئوكسىدسىزلىنىش

  • ئوكسىدسىزلىنىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ماددا ئوتومىنىڭ ئېلېكترون بىرىكتۈرۈپ ئېلىش خىمىيىۋى رېئاكسىيىسى، يەنى ماددىنىڭ ھىدروگېن بىلەن قوشۇلۇشى ياكى ئوكسىگېن ئاتومىنى يوقىتىش جەريانى.

ئوكسىدلار

  • ئوكسىدلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] خىمىيىۋى ئېلېمېنتلارنىڭ ئوكسىگېن بىلەن بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان ماددا. ئۇ ئاساسلىق ۋە كىسلاتالىق ئوكسىد دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

ئوكسىدلاشتۇرماق

  • ئوكسىدلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئوكسىدلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوكسىدلاندۇرماق

  • ئوكسىدلاندۇرماق[يەشمىسى:] «ئوكسىدلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوكسىدلاندۇرۇلماق

  • ئوكسىدلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئوكسىدلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئوكسىدلانماق

  • ئوكسىدلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بىرەر ئېلېمېنت ئوكسىگېن بىلەن بىرىكىپ شۇ ماددىنىڭ ئوكسىدىنى ھاسىل قىلماق.

ئوكسىدلىغۇچى

  • ئوكسىدلىغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئوكسىد ھاسىل قىلغۇچى:[مىسال:] ئوكسىدلىغۇچى ئېنزىم.

ئوكسىدلىق

  • ئوكسىدلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوكسىدلانغان، ئوكسىد ھاسىل قىلغان.

ئوكسىدلىماق

  • ئوكسىدلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بىرەر ئېلېمېنتنى ئوكسىگېن بىلەن بىرىكتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوكسىدىنى ھاسىل قىلماق.

ئوكسىدلىنىش

  • ئوكسىدلىنىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ماددا ئاتومى ئېلېكترون يوقىتىدىغان خىمىيىۋى رېئاكسىيە، يەنى ماددىنىڭ ئوكسىگېن بىلەن بىرىكىش جەريانى.

ئوكسىگېن

  • ئوكسىگېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] گاز ئېلېمېنت. بەلگىسى . (oxygenium)O رەڭسىز، پۇراقسىز گاز، يېنىشقا ياردەم بېرىدۇ. خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى بەك ئاكتىپ بولۇپ، كۆپلىگەن ئېلېمېنتلار بىلەن بىۋاسىتە بىرىكىدۇ. ئادەم، ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نەپەس ئېلىشىدا مۇھىم گاز ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە ئوكسىگېن گازى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئوكسىگېنلىك

  • ئوكسىگېنلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە ئوكسىگېنى بار، ئوكسىگېنگە ئىگە:[مىسال:] ئوكسىگېنلىك بىرىكمىلەر.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئوكسىگېن بىلەن، ئوكسىگېن ئارقىلىق:[مىسال:] ئوكسىگېنلىك نەپەسلىنىش.

ئوكۇل

  • ئوكۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① بەدەنگە، تېرە ئاستىغا شپىرىس ۋاسىتىسى بىلەن سۇيۇق دورا ماڭدۇرۇش، كىرگۈزۈش:[مىسال:] ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆزىگە ئوكۇل قىلدۇرۇپ كەپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئومۇمەن شپىرىس ۋاسىتىسى بىلەن بەدەنگە، تېرە ئاستىغا كىرگۈزۈلىدىغان دورا:[مىسال:] ئوكۇل تۈگەپتۇ. دوختۇرخانىدىن دەرھال ئوكۇل ئەكېلىش كېرەك.

ئوكۇلخانا

  • ئوكۇلخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دوختۇرخانىلاردا مەخسۇس كېسەللەرگە ئوكۇل سالىدىغان ئۆي.

ئوكۇليار

  • ئوكۇليار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] مىكروسكوپ، دۇربۇن قاتارلىق ئوپتىك ئەسۋابلاردىكى قارايدىغان تەرەپكە ئورنىتىلغان لىنزا.

ئوكۇن

  • ئوكۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل بېلىق. تېنىنىڭ ئۈستۈنكى قىسىملىرى كۆكۈچ كۈل رەڭ، ئاستى ئاقۇچ كۈل رەڭ، تېنىنىڭ ئىككى يان تەرىپىدىكى دۈمبە پالاقچىسىدا قارا سەپكۈنلىرى بولىدۇ. يېقىن دېڭىزلاردا ياشايدۇ. كۈزنىڭ ئاخىرلىرىدا دەريا ئېغىزلىرىغا بېرىپ تۇخۇم سالىدۇ.

ئوكيان

  • ئوكيان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] يەر شارى يۈزىنىڭ سۇ بىلەن يېپىلغان كەڭ ئورۇنلىرى بولۇپ، يەر شارىنىڭ [SX(]7[]01[SX)] قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. يەر شارىدا تىنچ ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان، ھىندى ئوكيان ۋە شىمالىي مۇز ئوكياندىن ئىبارەت تۆت ئوكيان بار.

ئوكيانشۇناس

  • ئوكيانشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] ئوكيان ۋە دېڭىزلارنى تەكشۈرگۈچى ئالىم، ئوكيانشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى.

ئوكيانشۇناسلىق

  • ئوكيانشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] دېڭىز سۇلىرىنىڭ فىزىكىلىق، خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى، دېڭىز دولقۇنى، دېڭىزنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە چۈشۈشى قاتارلىق ھادىسىلەرنى، شۇنداقلا دېڭىز سۈيى بىلەن دېڭىزلاردىكى ئورگانىزملارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ئوكيانىيە

  • ئوكيانىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>جوغ<[يەشمىسى:] تىنچ ئوكياندىكى كۆپ ساندىكى ئاراللار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئادەت بويىچە ئۇ ئاۋسترالىيە ھەم يېڭى زېللاندىيە، مىكرونېزىيە، پولىنېزىيە ۋە مېلانېزىيەدىن ئىبارەت تۆت قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئوڭ

  • ئوڭ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گەۋدىنى قاق ئوتتۇرىدىن تارتىپ چاتراققىچە تەڭ ئىككىگە بۆلگەندە، جىگەر جايلاشقان تەرەپتىكى، شۇ تەرەپكە جايلاشقان:[مىسال:] ئوڭ كۆز. ئوڭ قۇلاق. ئوڭ كۆكسى. ئوڭ پۇت. ∥مەن ئوڭ ھەم سولغا قارىدىم. ئەمما ئۇ كۆرۈنمىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئويغاق، ساق تۇرغان:[مىسال:] ئابدۇللا بۇلارنىڭ يا چۈشى يا ئوڭى ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رەخت، [يەشمىسى:] كىگىز-پالاس ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يەرگە سېلىنىدىغان، كىيىلىدىغان ياكى بىرەر جايغا قويۇلىدىغان نەرسىلەرنىڭ رەڭگى ئوچۇق، قېنىق تەرىپى، ئالدى تەرىپى:[مىسال:] رەختنىڭ ئوڭى. داستىخاننىڭ ئوڭى. كىيىمنىڭ ئوڭى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توغرا، مۇۋاپىق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەقىلگە سىغىدىغان، ئورۇنلۇق، چاتاق، كاشىلىدىن خالىي:[مىسال:] پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ (ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەقىل-ھوشى جايىدا، ئەقىللىق، زېرەك، ئىشنىڭ يولىنى، ئېپىنى بىلىدىغان، تىل ئۇقىدىغان؛ كاج ۋە جاھىل ئەمەس:[مىسال:] ساراڭنىڭ ئوڭى يوق، پاشىنىڭ قوڭى (ماقال).[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پارلاق، كۆڭۈلدىكىدەك، ئوبدان، ياخشى:[مىسال:] مەن دېمىدىممۇ... دەپ يايراپلا كەتتى ئۇ، بىچارە قىزىمنىڭ تەلىيى ئوڭ ئىكەن.

ئوڭ بايان

  • ئوڭ بايان[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ۋەقەلىك ۋە ۋەقەلىكلەر تەرەققىياتىنىڭ ئالدى-كەينىلىك تەرتىپى، يەنى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بىر خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى.

ئوڭ تاناسىپ

  • ئوڭ تاناسىپ[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئىككى مىقدار(bبىلەن a) نىڭ بىرسى (a) بىرقانچە ھەسسە چوڭايسا )ياكى كىچىكلىسە( ئىككىنچى بىر مىقدار (b) مۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوخشاش ھەسسە چوڭايسا )ياكى كىچىكلىسە(، بۇ ئىككى مىقدارنىڭ ئۆزگىرىش مۇناسىۋىتى ئوڭ تاناسىپ دېيىلىدۇ ۋەb∝a قىلىپ يېزىلىدۇ. بەزىدە قىسقىچە ئوڭ نىسبەتمۇ دېيىلىدۇ.

ئوڭ كۆزدە قارىماق

  • ئوڭ كۆزدە قارىماق[يەشمىسى:] توغرا، ئادىل مۇئامىلىدە بولماق؛ مېھرىبانلارچە ياخشى مۇناسىۋەتتە بولماق؛ ياخشىلىق قىلماق:[مىسال:] دېمىسمۇ، ئاشۇ تاش يۈرەك تەقدىر بۇ مۆمىن دېھقان ئائىلىسىگە ئوڭ كۆزدە قارىمىغان.

ئوڭ نىسبەت

  • ئوڭ نىسبەت[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا a<[يەشمىسى:] سانىنىڭ b سانغا بولغان نىسبىتى ئوڭ نىسبەت دېيىلىدۇ.

ئوڭ يۈرەك دالانچىسى

  • ئوڭ يۈرەك دالانچىسى[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] يۈرەكنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ئۈستۈنكى ئوڭ تەرىپىدىكى بوشلۇق.

ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسى

  • ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسى[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] يۈرەكنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ئاستىنقى ئوڭ تەرىپىدىكى بوشلۇق.

ئوڭ يۈز

  • ئوڭ يۈز[يەشمىسى:] بورىچىلىقتا بورىنىڭ قومۇشنىڭ سىرتى (سىلىق تەرىپى) كەلتۈرۈلگەن يۈزى.

ئوڭاي

  • ئوڭاي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىيىن، مۈشكۈل ئەمەس؛ ئاسان:[مىسال:] ئوڭاي ئىش. ئوڭاي مەسىلە. ∥ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان مەسىلىلەر ئوڭاي يېشىلىپ، ئېنىق ھەل بولاتتى.

ئوڭايسىز

  • ئوڭايسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوڭاي بولمىغان، نامۇۋاپىق، خىجالەتلىك، بىئەپ؛ قىيىن، تەس، مۈشكۈل:[مىسال:] پەرھات ئوڭايسىز ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاينىساغا گەپمۇ قىلماي، ئارقىسىغا يېنىپ چىقىپ كەتتى.

ئوڭايسىزلاندۇرماق

  • ئوڭايسىزلاندۇرماق[يەشمىسى:] «ئوڭايسىزلانماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوڭايسىزلاندۇرۇشماق

  • ئوڭايسىزلاندۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ئوڭايسىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئوڭايسىزلانماق

  • ئوڭايسىزلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى ئەھۋالغا قارىتا ئوڭايسىزلىق، مۈشكۈللۈك، بىئەپلىك ھېس قىلماق، تەسچىلىكتە قالماق، قىيىن ھېس قىلماق:[مىسال:] سەن مېنىڭ گېپىمگە شۇنداق كۈلدۈڭكى، مەن ئوڭايسىزلىنىپ تۇرۇپ قالدىم.

ئوڭايسىزلىق

  • ئوڭايسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوڭايسىزلانغان، بىئەپ ھالەت، خىجالەتچىلىك.

ئوڭايلاشتۇرماق

  • ئوڭايلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئوڭايلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوڭايلاشتۇرۇشماق

  • ئوڭايلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ئوڭايلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئوڭايلاشتۇرۇلماق

  • ئوڭايلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئوڭايلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئوڭايلاشماق

  • ئوڭايلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۈشكۈل، تەس، قىيىن ھالەتتىن ئاسان، ئوڭاي ھالەتكە كەلمەك، ئوڭاي بولماق:[مىسال:] ھازىر سىرتقا چىقىپ ئىش بېجىرىش ئوڭايلاشتى.

ئوڭايلىق

  • ئوڭايلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىيىن، مۈشكۈل بولمىغان ھالەت، ئاسانلىق.

ئوڭايلىقچە

  • ئوڭايلىقچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئوڭايلا، ئوڭايلىق بىلەن، ئاسانلا:[مىسال:] ئەدھەم گېپىدىن ئوڭايلىقچە يانمايتتى.

ئوڭ-تەتۈر

  • ئوڭ-تەتۈر[يەشمىسى:] ئوڭ ۋە تەتۈر؛ كەلسە-كەلمەس، قالايمىقان:[مىسال:] زىۋىرشا ئوڭ-تەتۈر ۋارقىراشقا باشلىدى.

ئوڭ-تەتۈرنى بىلمەك

  • ئوڭ-تەتۈرنى بىلمەك[يەشمىسى:] ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەك، ياخشى-ياماننى ئايرىماق.

ئوڭ-تەتۈرىنىڭ تايىنى يوق

  • ئوڭ-تەتۈرىنىڭ تايىنى يوق[يەشمىسى:] ئوڭ دېسە ئوڭ ئەمەس، تەتۈر دېسە بەك تەتۈر ئەمەس، ساراڭ قېتىش؛ دۆت.

ئوڭتەي-توڭتەي

  • ئوڭتەي-توڭتەي[يەشمىسى:] قالايمىقان، رەتسىز، بىسەرەمجان، ئاستىن-ئۈستۈن:[مىسال:] ئوڭتەي-توڭتەي بولماق. ئوڭتەي-توڭتەي قىلماق.

ئوڭچە

  • ئوڭچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] باشقىلارنى شېرىك قىلماي، ئارىلاشتۇرماي؛ ئۆز ئالدىغا، ئۆزى خالىغان تەرزدە، ئايرىم ھالدا:[مىسال:] قېنى، ماڭا بىرنى قۇي ئۆزۈم ئوڭچىلا بىرنى ئىچەي

ئوڭچى

  • ئوڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سىياسىي پارتىيە، تەشكىلات ياكى گۇرۇھلاردىكى سىياسىي جەھەتتە كونسېرۋاتىپ بولغان ئەكسىيەتچىل ئېقىمغا تەۋە كىشى.

ئوڭچىل

  • ئوڭچىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوڭچىلارغا خاس، ئوڭچىلارغا مايىل، ئوڭچىلارنى ياقلايدىغان:[مىسال:] مەن ئۇنىڭدا ئوڭچىل خاھىش بارلىقىنى ھېس قىلدىم.

ئوڭچىللىق

  • ئوڭچىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوڭچىلارغا خاس خائىش، گەپ-سۆز، ھەرىكەت.

ئوڭخاي

  • ئوڭخاي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئوڭ، بەدەننىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئەزالارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان (كىيىدىغان نەرسىلەر ھەققىدە):[مىسال:] ئوڭخاي ئاياغ.[يەشمىسى:] ② قول بىلەن قىلىنىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەردە ئوڭ قولىنى كۆپرەك ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن، شۇنداق ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئوڭ قولى بىلەن قىلىدىغان:[مىسال:] ئوڭخاي بالا.

ئوڭدا

  • ئوڭدا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يۈزى، ئالدى تەرىپى يۇقىرىغا قاراپ تۇرغان، دۈمبىسى، ئارقا، كەينى تەرىپى يەرگە ياكى يەر بىلەن پاراللېل تەكشىلىككە تېگىپ تۇرغان ھالەتتە:[مىسال:] ئۇ ئۆرۈلۈپ ئوڭدا بولۇپ، ئاسمانغا قاراپ خىيالغا پاتتى.

ئوڭدا چۈشمەك

  • ئوڭدا چۈشمەك[يەشمىسى:] مەغلۇپ بولماق، يېڭىلمەك؛ خاراب بولماق، ۋەيران بولماق:[مىسال:] ئەپلەپ ئىش تۇت، بولمىسا ھېلىقى ھېكىم دېگىنى يامان نېمە، ئوڭدا چۈشمە يەنە، دېدى ئۇ ئەخمەتكە نەسىھەت قىلىپ.

ئوڭدا قويماق

  • ئوڭدا قويماق[يەشمىسى:] زىيانغا ئۇچراتماق؛ مەقسەت-مۇددىئاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يول قويماسلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ مەقسىتى دېھقاننى تويدۇرۇش ئەمەس، ئۆزىنىڭ شەھۋانىي نەپسىنى قاندۇرۇش ئىكەن، لېكىن ئايخان ئۇنى قاتتىق بىر ئوڭدا قويدى.

ئوڭدا ياتماق

  • ئوڭدا ياتماق[يەشمىسى:] ئىش-ئوقەت قىلمايلا بىكار يۈرمەك:[مىسال:] ئوڭدا ياتقان گىردە يەپتۇ، كەتمەن چاپقان جىگدە يەپتۇ (ماقال).

ئوڭدا-دۈمدە

  • ئوڭدا-دۈمدە[يەشمىسى:] ئاستىن-ئۈستۈن، ئوڭدا ھەم دۈمدە:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ، ئۆي ئوڭدا-دۈمدە بولۇپ چۆرگىلەۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.

ئوڭشاتماق

  • ئوڭشاتماق[يەشمىسى:] «ئوڭشىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوڭشاشماق

  • ئوڭشاشماق[يەشمىسى:] «ئوڭشىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئوڭشالماق

  • ئوڭشالماق[يەشمىسى:] ① «ئوڭشىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ ماشىنىسى يېرىم سائەتتە ئاران ئوڭشالدى.[يەشمىسى:] ② «ئوڭشىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] خېلى ئوڭشىلىپ قالدىلىمۇ دېدى ئۇ ھېلىقى كېسەلدىن ئەھۋال سوراپ.

ئوڭشىماق

  • ئوڭشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بۇزۇلغان نەرسىلەرنى رېمونت قىلىپ تۈزىمەك، ساق، نورمال ھالىتىگە كەلتۈرمەك:[مىسال:] ئادىل ئوتۇن ياراتتى، بۇزۇلغان نەرسە-كېرەكلەر بولسا ئوڭشايتتى.[يەشمىسى:] ② رەتسىز، قالايمىقان نەرسە ياكى ھالەتنى رەتلىك، رۇس ھالەتكە كەلتۈرمەك؛ ياخشىلىماق:[مىسال:] بىرنەچچە كۈنلۈك جاپالىق كۈرەشتىن كېيىن قالايمىقانچىلىق ئاساسىي جەھەتتىن ئوڭشالدى.[يەشمىسى:] ③ ئىش-ھەرىكەت ياكى گەپ-سۆزدىكى ناتوغرىنى توغرىلىماق، تۈزەتمەك، مۇۋاپىقلاشتۇرماق:[مىسال:] ئۇ قىزنىڭ رايىنى ياندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن دەرھاللا تەلەپپۇزىنى ئوڭشىۋالدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناچار، يامان ھالەتنى ياخشىلىماق، غەم، قايغۇدىن خالاس قىلماق:[مىسال:] ئۇنىڭغا ئازراق ياردەم قىلايلى ئۆزىنى ئوڭشىۋالسۇن.[يەشمىسى:] ⑤ تىنچلاندۇرماق، ياخشىلىماق، يامان پايدىسىز تەرەپكە مېڭىشتىن توسماق، ياخشى تەرەپكە بۇرىماق:[مىسال:] بىز ۋەزىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوڭشاپ، زور ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئالدۇق.

ئوڭغۇل-دوڭغۇل

  • ئوڭغۇل-دوڭغۇل[يەشمىسى:] ئاستىن-ئۈستۈن، ئېگىز-پەس، تەكشى ئەمەس، ئوي-دوڭغۇل:[مىسال:] كەلكۈن سۈيى يولنى يالاپ، ئوڭغۇل-دوڭغۇل قىلىۋەتكەنىدى.

ئوڭلاتماق

  • ئوڭلاتماق[يەشمىسى:] «ئوڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوڭلاشماق

  • ئوڭلاشماق[يەشمىسى:] «ئوڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئوڭلاشتۇرماق

  • ئوڭلاشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئوڭلاش، تۈزەش قاتارلىق ئىشلارنى قىلماق:[مىسال:] سادىق ئوغۇت خالتىلىرىنى ئوڭلاشتۇرۇپ بولۇپ، كوزۇپتىن يەرگە قايتىپ چۈشتى.

ئوڭلانماق

  • ئوڭلانماق[يەشمىسى:] ① «ئوڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سىز بازارنى بىر ئايلىنىپ كېلىڭ، كاجنى بازار ئوڭلايدۇ دېگەن گەپ بار، ئوڭلىنىپ كېلەرسىز ئاڭغىچە مەن قاراپ تۇراي.[يەشمىسى:] ② «ئوڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ خېلى ئۇزاق تىركىشىشى نەتىجىسىدە ۋېلىسىپىت ئاخىر ئوڭلاندى.

ئوڭلۇق

  • ئوڭلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشنىڭ يولىنى بىلىدىغان، توغرا ئىش قىلىدىغان ھەم خۇشخۇي، ئەقىللىق، گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكىتى بىلەن كىشىنى مايىل قىلىدىغان:[مىسال:] بۇ تېۋىپ ھەقىقەتەنمۇ پەم-پاراسەتلىك ۋە بەكمۇ ئوڭلۇق بىر كىشى ئىدى.

ئوڭلىماق

  • ئوڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ئوڭشىماق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئاخۇن بەگ ئۇنىڭ ئالدىغا ئون سەر كۈمۈش تەڭگە قويۇپ «چىڭگاڭ خوجامغا ئۆزلىرى بىرنېمە دەپ، بۇ ئىشنى ئوڭلاپ قويۇرلا» دېدى.

ئوڭماق

  • ئوڭماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ئوڭۇشلۇق بولماق؛ ياخشىلانماق، راۋاجلانماق، ئوڭلانماق، كۆڭۈلدىكىدەك بولماق:[مىسال:] ئەتىگەن ئوڭمىغان كەچ ئوڭماس (ماقال).

ئوڭۇش

  • ئوڭۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇۋەپپەقىيەت، نەتىجە؛ روناق؛ يول، ئەپ:[مىسال:] ئوڭۇش تاپماق.

ئوڭۇشسىز

  • ئوڭۇشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوڭۇش تاپمىغان، ئوڭۇشلۇق، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان ياكى بولمايدىغان، نەتىجىسىز، پايدىسىز؛ نامۇۋاپىق:[مىسال:] ئوڭۇشسىز ئىش.

ئوڭۇشسىزلىق

  • ئوڭۇشسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوڭۇش تاپماسلىق، مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك:[مىسال:] بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساڭ، بىر ئەقىل تاپىسەن (ماقال).

ئوڭۇشلۇق

  • ئوڭۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، مۇۋپپەقىيەتلىك، نەتىجىلىك؛ كۆڭۈلدىكىدەك، جايىدا؛ ياخشى؛ پايدىلىق:[مىسال:] ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولغاندۇ سورۇدۇم مەن ئۇنىڭدىن. ∥ئۇ ئۆزىچە بىرنېمىلەرنى پىچىرلاپ خۇدادىن ئۆز سودىسىنى ئوڭۇشلۇق قىلىشنى تىلەيتتى.

ئول

  • ئول[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئۇ:[مىسال:] ئول قۇش ئۇچۇپ كەلگەن پېتى شاھ ئادىلنىڭ بېشىغا قوندى.

ئولاشتۇرماق

  • ئولاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئولاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئولاشتۇرۇلماق

  • ئولاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئولاشتۇرماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئولاش-چولاش

  • ئولاش-چولاش[يەشمىسى:] ھەممەيلەن بىرلىكتە، كوللېكتىپ ھالدا، توپلاشقان پېتى:[مىسال:] قىمارۋازلار ئولاش-چولاش كېلىپ بىرەر پارچىدىن گۆش يەپ، بىردەم پاراڭ سېلىشقاندىن كېيىن تارقاپ كېتىشتى.

ئولاشماق

  • ئولاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يىغىلماق، توپلاشماق:[مىسال:] ئاياللار يىگىتنىڭ ئەتراپىغا ئۇلىشىپ يۈزلىرىدىن چۈمبەردىلىرىنى ئېلىشىپتۇ.[يەشمىسى:] ② پەيدا بولماق، يېپىشماق:[مىسال:] خەتنى ئوقۇغانسېرى ۋۇجۇدۇمغا تىترەك ئولىشىپ، ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالغاندەك بولدى.

ئولاق

  • ئولاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ياغاچتىن ئىچى ئويۇپ ياسالغان كېمە.[يەشمىسى:] ② ھايۋانلارغا يەم-خەشەك بېرىش، تېرە ئاشلاش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىش ئۈچۈن ياغاچتىن ئىچىنى ئويۇپ ياسىغان ئوقۇر شەكىللىك سايمان:[مىسال:] ئولاقتا مال سۇغارماق.

ئولپاق

  • ئولپاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك بالىلارنىڭ قۇلاقچىسى، تۇماق.

ئولپاڭ

  • ئولپاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاغزى كىچىك، تېگى يوغان ھەم چوڭقۇر ئازگال.[يەشمىسى:] ② كونىراپ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ئادەم ئولتۇرمايدىغان خارابىلىك:[مىسال:] ئولپاڭ توپىسى.

ئولپان

  • ئولپان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دېھقانلاردىن ئېلىنىدىغان تۈرلۈك باج-سېلىق:[مىسال:] ئولپان تاپشۇرماق.

ئولتۇراق

  • ئولتۇراق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئادەملەرنىڭ دائىملىق ئولتۇرۇشى، ماكان قىلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان:[مىسال:] ئىدارىمىزدە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيى سېلىنىۋاتىدۇ.

ئولتۇراقلاشتۇرماق

  • ئولتۇراقلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئولتۇراقلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئولتۇراقلاشتۇرۇلماق

  • ئولتۇراقلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئولتۇراقلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئولتۇراقلاشماق

  • ئولتۇراقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر يەرنى مۇقىم تۇتۇپ، شۇ يەرگە يەرلىشىپ، ئۆي-جاي سېلىپ، شۇ يەردە ياشىماق:[مىسال:] ئۇلار سىزنىڭ مەھەللىگە ئولتۇراقلاشتى.

ئولتۇراقلىق

  • ئولتۇراقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماكان تۇتۇپ ئولتۇرغان، جايلىشىپ قالغان:[مىسال:] ئۇ شاياڭ دېگەن يەردە ئولتۇراقلىق بولۇپ قالغان.

ئولتۇرسا-قوپسا

  • ئولتۇرسا-قوپسا[يەشمىسى:] ھەمىشە، ھەر دائىم، ھەر ۋاقىت:[مىسال:] ئۇ ئولتۇرسا-قوپسا ھېلىقى بالىنىڭ غېمىنى يەپ يۈردى.

ئولتۇرغۇچ

  • ئولتۇرغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئادەم ئولتۇرغاندا پۈتۈن بەدەننى تىرەپ تۇرىدىغان ۋە ياكى بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] ئولتۇرغۇچ سۆڭەك. ئولتۇرغۇچ نېرۋا.

ئولتۇرغۇچ سۆڭەك

  • ئولتۇرغۇچ سۆڭەك[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ئولتۇرغاندا بەدەننىڭ يۇقىرى قىسمىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان سۆڭەك. ئوڭ ۋە سولدا بىردىن بولىدۇ. ئادەتتە ئۇ دوۋسۇن سۆڭىكى بىلەن قوشۇلۇپ يانپاش سۆڭىكىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى

  • ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ توم ۋە ئەڭ ئۇزۇن نېرۋا. يەنى يۇلۇن نېرۋىلىرىنىڭ تۆۋەنكى مۈچىگە تارقالغان بىر ئۇچى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى تۆۋەنكى مۈچىدىكى ئېگىلمە ھەرىكەتلەرنى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت.

ئولتۇرغۇزماق

  • ئولتۇرغۇزماق[يەشمىسى:] ① «ئولتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بالىنى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى.[يەشمىسى:] ② توي كۈنى قىزنى ئۇرۇق-تۇغقان ياكى يېقىن قوشنىلىرى كۆچۈرۈپ كەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا، مەلۇم جايدا دوستلىرى بىلەن كۈتمەك:[مىسال:] يۇلتۇز ئۇنى دوستلىرى بىلەن ئۆيىدە ئولتۇرغۇزدى.

ئولتۇرغۇزۇلماق

  • ئولتۇرغۇزۇلماق[يەشمىسى:] «ئولتۇرغۇزماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئولتۇر-قوپ

  • ئولتۇر-قوپ[يەشمىسى:] ئولتۇرغان ھەم ئۆرە تۇرغاننىڭ ھەممىسى، شۇ يەردىكى ھەممە كىشىلەر:[مىسال:] يولداش سادىقنىڭ باشلامچىلىقىدا ئولتۇر-قوپ ھەممىسى جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلمىغان بولسا بۇ بۇغدايلار بولمىغان بولاتتى.

ئولتۇرماق

  • ئولتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۆرە تۇرماي يەر، ئورۇندۇق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر جاي ياكى نەرسىگە ساغرىسىنى چاپلاپ جايلاشماق، ئورۇنلاشماق:[مىسال:] ئۇلار ئېگىز ھەم بۈك-باراقسان بىر تۈپ دەرەخنىڭ تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھېچ ئىش قىلماي ۋاقىتنى بوش ئۆتكۈزمەك، بىكار تۇرماق:[مىسال:] قاسىم ئۆيگە كىرگەندە خوتۇنى ئىشتىن كېلىپ كىنوغا ئالدىرىغاچقا، تاماقمۇ ئەتمەي ئولتۇرغانىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر جايغا بېرىپ ياكى يىغىلىپ مۇڭدىشىدىغان، پاراڭلىشىدىغان، ساز چېلىپ، زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپ كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىشنى قىلماق، شۇنداق پائالىيەتكە قاتناشماق:[مىسال:] يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ھەممەيلەن يىغىلىپ تۇرسۇننىڭ ئۆيىدە ئولتۇردۇق.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئورۇننى ماكان تۇتۇپ ئورۇنلاشماق، جايلاشماق، ھايات كەچۈرمەك، ياشىماق:[مىسال:] سىلى قەيەردە ئولتۇرىلا دەپ سورىدى ئالىم.[يەشمىسى:] ⑤ تۈرلۈك قاتناش قوراللىرىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشماق، چىقماق:[مىسال:] بىز پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا باردۇق.[يەشمىسى:] ⑥ تاغ ياكى ئېگىزلىكنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ كۆرۈنمەي قالماق، پاتماق (ئاي، كۈن قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] كۈن ئولتۇردى.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] (ھوقۇق-ئەمەل ياكى تەخت قاتارلىقلارغا) چىقماق، بەلگىلەنمەك، تەيىنلەنمەك:[مىسال:] ئۇ چوقۇم سوت باشلىقلىقىدىنمۇ يۇقىرىراق مەنسەپكە ئولتۇرۇشى كېرەك ئىدى، ئۇنىڭغا ئۇۋال بوپتۇ.[يەشمىسى:] ⑧ ئومۇمەن ئىزىدا جىمراق تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بىرەر ئىش-ھەرىكەتكە تۇتۇش قىلماق، شۇنداق پائالىيەتنى باشلىماق:[مىسال:] ئۇلار تاغدىن چۈشتى، ھەممىمىز بىرلىكتە تاماققا ئولتۇردۇق.[يەشمىسى:] ⑨ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قونماق:[مىسال:] بىر جۈپ تۇمۇچۇق كېلىپ بۇلۇڭدىكى ئانارنىڭ شېخىغا ئولتۇردى.[يەشمىسى:] 01 كۈتمەك، ساقلىماق؛ ياتلىق بولماي تۇرماق (ئاياللار ھەققىدە):[مىسال:] ئەقىدە ئۈچۈن ئون تۆت يىل ئولتۇرۇش قىز بالا ئۈچۈن ئوڭايمۇ[يەشمىسى:] 11 تۇس ياردەمچىسى رولىدا پېئىلنىڭ چېتىلما رەۋىشداش شەكلى بىلەن بىرىكىپ، شۇ پېئىل ئىپادىلىگەن مەنىنى تەكىتلەش، تېخىمۇ كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] ئۇ بالا ھەدەپ ئويۇنچۇقىنى ئويناپ ئولتۇراتتى.

ئولتۇرالماي قالماق

  • ئولتۇرالماي قالماق[يەشمىسى:] ئومۇمەن ئۆزىنىڭ نورمال روھىي ھالىتىنى يوقىتىپ ھەددىدىن ئارتۇق جىددىيلەشمەك:[مىسال:] مەن ھاياجانلىنىپ ئولتۇرالماي قالدىم. * ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى ئولتۇرالماي قالدى.

ئولتۇرۇپ قالماق

  • ئولتۇرۇپ قالماق[يەشمىسى:] يېشى چوڭىيىپ كەتسىمۇ ئېپىدە لايىق چىقماي تۇرۇپ قالماق (قىزلار ھەققىدە).

ئولتۇرۇش

  • ئولتۇرۇش[يەشمىسى:] بىرنەچچەيلەن بىرلىكتە ئولتۇرۇپ كۆڭۈل ئېچىش ياكى ئويۇن-تاماشا قىلىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان زىياپەت، چاي:[مىسال:] ئۇلار بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن بىر دوستىنىڭ ياتىقىدىكى ئولتۇرۇشتا تونۇشۇپ قالغانىدى.

ئولتۇرۇشاڭغۇ

  • ئولتۇرۇشاڭغۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، ئولتۇرۇشۇپ قالغاندەك كۆرۈنىدىغان:[مىسال:] ئولتۇرۇشاڭغۇ كۆزلىرىنىڭ جىيەكلىرى قىزارغان بۇ كىشى دەل بىز ئىزلەۋاتقان كىشىنىڭ ئۆزى ئىكەن.

ئولتۇرۇشلۇق

  • ئولتۇرۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئولتۇرىدىغان ماكان تۇتۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان، ھايات كەچۈرىۋاتقان:[مىسال:] ئۇ تاشۋاينى ئارىيار مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق قىزىقچى — شىرمەھەممەتنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ باردى.

ئولتۇرۇشما

  • ئولتۇرۇشما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئولتۇرۇشاڭغۇ.

ئولتۇرۇشماق

  • ئولتۇرۇشماق[يەشمىسى:] ① «ئولتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② ئەسلى ئورنىدىن چۆكۈپ، تۆۋەنلەپ، پەسلەپ كەتمەك، ئۆزلۈكىدىن پەسلىمەك؛ ئىچىگە كىرىپ كەتمەك:[مىسال:] بۇ قەبرە بەك ئولتۇرۇشۇپ كېتىپتۇ.

ئولجا

  • ئولجا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۇرۇش-جەڭلەردە قارشى تەرەپتىن تارتىۋېلىنغان، غەنىيمەت ئېلىنغان بۇيۇم، نەرسە:[مىسال:] ئولجا ئالماق.[يەشمىسى:] ② شىكار، ئوۋغا چىققاندا ئوۋلىغان نەرسە، ئوۋ.

ئولجىلىق

  • ئولجىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئولجا ئالغان، ئولجىغا ئېرىشكەن.

ئولچى

  • ئولچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] قەدىمكى ئۇيغۇر خاندانلىقلىرىدىكى بىر خىل ئەمەل نامى.

ئولغام

  • ئولغام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈگمەنچىلىكتە ئىشلىتىلىدىغان، چىمچىلاق قولدەك ياغاچقا چىگىلگەن، يەمنى ئازايتىش ياكى كۆپەيتىش رولىنى ئوينايدىغان تانا يىپ.

ئولىگارخىيە

  • ئولىگارخىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئاز ساندىكى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلار ھەممىنى كونترول قىلىدىغان بىر خىل سىياسىي تۈزۈم.

ئولىمپىك

  • ئولىمپىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] خەلقئارالىق ئۇنىۋېرىسال تەنھەرىكەت مۇسابىقە يىغىنى. قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ ئولىمپىيە كەنتىدىكى ماھارەت مۇسابىقىلىشىشتىن كېلىپ چىققان. ھازىرقى زامان 1-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 1896-يىلى گرېتسىيەدىكى ئافىنادا ئۆتكۈزۈلگەن، ھەر تۆت يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ، قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ مۇسابىقىسى ئايرىم ھالدا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئوم

  • ئوم[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر قارشىلىق بىرلىكى. ئۆتكۈزگۈچتىكى ئېلېكتر بېسىمى 1 ۋولت، ئۇنىڭدىن ئۆتكەن توك 1 ئامپىر بولغاندا، ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارشىلىقى 1 ئوم بولىدۇ. بۇ بىرلىك گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى ئوم(Georg Simon Ohm) نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بېرىلگەن.

ئومارتا

  • ئومارتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەسەل ھەرىسى باقىدىغان ساندۇق.

ئوماق

  • ئوماق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىرايلىق ھەم يېقىملىق، كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان:[مىسال:] ئوماق بالا.

ئوماقلاشتۇرماق

  • ئوماقلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئوماقلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوماقلاشماق

  • ئوماقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئوماق، چىرايلىق ھالەتكە كەلمەك، چىرايلىقلاشماق:[مىسال:] يىغىدىن كۆزلىرى قىزارغان لەيلىگۈل تولىمۇ ئوماقلىشىپ كەتكەنىدى.

ئوماقلىق

  • ئوماقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان چىرايلىق، ئوماق كۆرۈنۈش، يېقىملىق سىياق:[مىسال:] ئۇنىڭدىن بىر خىل نازۇكلۇق ۋە ئوماقلىق چىقىپ تۇراتتى.

ئومان

  • ئومان[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] ئومان سۇلتانلىقى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىزغىقىغا جايلاشقان. يەر مايدانى 300 مىڭ كۇۋادىرات كېلومېتر. ئاھالىسىنىڭ كۆپچىلىكىنى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ. قالغىنى ھېندىستانلىقلار، ئىرانلىقلار، بېنگاللىقلار، پاكىستانلىقلار ۋە ئاز ساندىكى بىلوجىلار، بۇرۇنقى ئافرىقا نېگىرلىېرىنىڭ ئەۋلادلىرى. دۆلەت تىلى ئەرەب تىلى بولۇپ، ئىنگلىز تىلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

  • ئومان ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ قەدىمىي دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىدىلا دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق سودىسى ئېلىپ بارغان ھەمدە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ كېمە ياساش مەركىزى بولغان. مىلادى Ⅶ ئەسىردە، ئەرەب ئېمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 1507-يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر، 1742-يىلى پارىسلار، 1871-يىلى ئەنگلىيىلىكلەر بېسىپ كىرگەن. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا «مەشئەت سۇلتانلىقى» ۋە «ئومان ئىماملىقى»غا بۆلۈنۈپ، 1967-يىلى مەشئەت ۋە ئومان سۇلتانلىقى بولۇپ قۇرۇلغان. 1970-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى نامىنى «ئومان سۇلتانلىقى»غا ئۆزگەرتىلگەن. 1978-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.

  • ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ نېفىت زاپىسى 540 مىليون توننىغا يېتىدۇ. %80تىن كۆپ ئاھالىسى دېھقان-چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى مەشھۇر بولۇپ، ئاسالىق زىننەت بۇيۇملىرى، ساپال بۇيۇملار ۋە مىس ئەسۋابلار ياسىلىدۇ.

  • ئاسالىق شەھىرى پايتەخت مەشھەت شەھىرى بولۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەرنىڭ «دۇنيادىكى ئىسسىق شەھەر» دىگەن نامى بولۇپ، ئەڭ ئىسسىق بولغاندا تېمپىراتورىسى ℃60قا يېتىدۇ.

ئومۇت

  • ئومۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] قەدىمكى بىر خىل جەڭ قورالى. ئادەتتە سېپى، تاۋۇزغا ئوخشاش يۇمىلاق بېشى ھەم بېشىدا ئۇچلۇق مىخلىرى بولىدۇ.

ئومۇرتقا

  • ئومۇرتقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ۋە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار دۈمبە قىسمىنىڭ ئاساسىي تىرىكى. ئادەمدە 33 تال ئومۇرتقا سۆڭىكى بولۇپ، خۇددى تۈۋرۈككە ئوخشاش تۇرىدۇ. ئارقا تەرىپىنىڭ مەركىزى ۋە ئوتتۇرىسىدا بىر نەيچىسى بولۇپ، ئومۇرتقا كانىلىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە يۇلۇن تۇرىدۇ.

ئومۇرتقىسىز

  • ئومۇرتقىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئومۇرتقىسى يوق، ئومۇرتقىغا ئىگە ئەمەس:[مىسال:] ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار.

ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار

  • ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] تېنىدە ئومۇرتقا سۆڭىكى يوق بولغان ھايۋانلار. تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، پروتوزوئا، دېڭىز بۇلۇتى تىپىدىكىلەر، كاۋاك ئىچلىكلەر، سازاڭسىمانلار، يۇمشاق تەنلىكلەر، بوغۇم ئاياغلىقلار ۋە تېرىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئ

شۈشى قاتارلىق ھادىسىلەرنى، شۇنداقلا دېڭىز سمۇرتقىغا ئىگە:

  • شۈشى قاتارلىق ھادىسىلەرنى، شۇنداقلا دېڭىز سمۇرتقىغا ئىگە:[مىسال:] ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار.

ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار

  • ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] تېنىدە ئومۇرتقا سۆڭىكى بولغان ھايۋانلار.

ئومۇم

  • ئومۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كۆپچىلىك، كوللېكتىپ؛ ھەممە:[مىسال:] ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى، تەبىئىيكى، ئىشچىلار ياكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئومۇم ئېتىراپ قىلغان ۋەكىللىرى.

ئومۇم گۈل رېتى

  • ئومۇم گۈل رېتى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گۈل رېتىنىڭ بىر خىلى. ئۇنىڭ گۈل ئوقى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان ساپاقلىق گۈللەر بولىدۇ. مەسىلەن، شەرق نەرگىسگۈلى ۋە كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل رېتىگە ئوخشاش.

ئومۇمەن

  • ئومۇمەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاساسىي جەھەتتىن، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا:[مىسال:] ئوكۇل ئومۇمەن بالىغا زىيانلىق ئەمەس ئىدى، ئايال ماڭا رەھمەت ئېيتىپ، بالىنى يۆگەپ قايتىپ كەتتى.

ئومۇملاشتۇرماق

  • ئومۇملاشتۇرماق[يەشمىسى:] ① «ئومۇملاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بۇ يېڭى ئۇزۇقلۇقنى يېزا بويىچە ئومۇملاشتۇرۇشنى قارار قىلغانىدى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>لوگ<[يەشمىسى:] شەيئىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلىماق.

ئومۇملاشتۇرۇشماق

  • ئومۇملاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ئومۇملاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئومۇملاشتۇرۇلماق

  • ئومۇملاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئومۇملاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئومۇملاشماق

  • ئومۇملاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خەلق ئارىسىغا، ئومۇمنىڭ ئىچىگە كەڭ تارقالماق؛ ئومۇمنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىپ قوللىنىشىغا، دائىملىق ھەرىكەتلىرىگە تەتبىقلىشىغا ئېرىشمەك:[مىسال:] بۇ مەدەنىيەت ھەرىكىتى ئۇ چاغدا تېخى ئىشچى-دېھقانلار ئاممىسى ئارىسىغا ئومۇملىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس ئىدى.

ئومۇملۇق

  • ئومۇملۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئومۇمغا تەئەللۇق بولۇش، ئومۇمغا مەنسۇپلۇق:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ بۇ خىل كەمتەر، ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتۇش روھىدىن يەنە بىر قېتىم تەربىيە ئالدىم.

ئومۇمىي

  • ئومۇمىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① پۈتكۈل خەلققە، ئومۇمغا ئورتاق بولغان، كۆپچىلىكنى، ئومۇمنى ياكى شۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئۆزىگە ئوبيېكت قىلغان:[مىسال:] ئومۇمىي يىغىن.[يەشمىسى:] ② جەمئىي؛ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يىغىندا:[مىسال:] بۇ يىلقى ئومۇمىي كىرىمىڭىز قانچىگە يەتكەندۇ[يەشمىسى:] ③ ئومۇميۈزلۈك:[مىسال:] ئەمەت ئومۇمىي مۇداپىئەگە مەسئۇل ئىدى.

ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

  • ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئەھۋال ياكى مۇكاپاتلاش، جازالاش توغرىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ياكى خادىملارغا ئومۇميۈزلۈك ئۇقتۇرۇش قىلىش يۈزىسىدىن چىقارغان ھۆججىتى.

ئومۇمىيەت

  • ئومۇمىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «ئومۇملۇق»قا قاراڭ:[مىسال:] بىز ئىشىنىمىزكى، بىزنىڭ خەلقىمىز ئومۇمىيەتنى ھېسابقا ئالىدىغان، ئىنتىزامچان خەلق.

ئومۇمىيەتچىل

  • ئومۇمىيەتچىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئومۇمنى نەزەردە تۇتىدىغان، ئومۇمغا مايىل بولغان، كۆپچىلىك تەرەپتە تۇرىدىغان:[مىسال:] خەلق بىزنىڭ ئومۇمىيەتچىل بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ، دېدى باشلىق سادىقنىڭ قولىنى سىقىپ.

ئومۇمىيلىق

  • ئومۇمىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئومۇمىي ئەھۋال، ئومۇمىي ۋەزىيەت، ئومۇمىي كەيپىيات:[مىسال:] ئۇلار ئومۇمىيلىقنى ئاساس قىلىپ، دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، تۈرلۈك زىرائەتلەرنىڭ تېرىلغۇ پىلانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردى.

ئومۇميۈزلۈك

  • ئومۇميۈزلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]ئومۇم+يۈزلۈك[[يەشمىسى:] ھەممىنى، بارلىقىنى نەزەرگە ياكى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ بارلىق، پۈتۈنلەي:[مىسال:] ئومۇميۈزلۈك تەربىيە.

ئومۇميۈزلۈكلۈك

  • ئومۇميۈزلۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەممىنى، بارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىق ياكى شۇنداق ھالەت:[مىسال:] ئىدىيە — مەدەنىيەت تەركىبلىرىنى داۋاملىق يېڭىلاپ ۋە تولۇقلاپ، ئۇنىڭ ئىلغارلىقىنى، ئومۇميۈزلۈكلۈكىنى، پۈتۈن مىللەت تەركىبىدىكى جەلپ قىلىش ھەم ئۇيۇشتۇرۇش قۇدرىتىنى ھەمىشە ساقلىيالايدىغان بولۇشى زۆرۈر.

ئومۇندۇرماق

  • ئومۇندۇرماق[يەشمىسى:] «ئومۇنماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كېلىدۇ يىراقلاردىن شوخ ناخشىلار، قانچىلاپ غۇنچىلارنى ئومۇندۇرۇپ.

ئومۇنماق

  • ئومۇنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئارزۇ قىلماق، تەمە قىلماق، ئۈمىد قىلماق:[مىسال:] بالام، ئومۇنۇپ قالما، ئۇ يەردىن ھېچنېمە ئېلىپ كېلەلمىدىم، دېدى ئاپىسى بالىسىنىڭ بېشىنى سىلاپ.

ئومۇنۇشماق

  • ئومۇنۇشماق[يەشمىسى:] «ئومۇنماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئون

  • ئون[سۆز تۈركۈمى:] سان.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] توققۇزدىن كېيىن، ئونبىردىن بۇرۇن كەلگەن پۈتۈن سان ۋە بۇ ساننى ئىپادىلىگەن «10» رەقىمى؛ توققۇزغا بىرنى قوشقاندا ھاسىل بولغان مىقدار:[مىسال:] ئون ئىتتىن بىر بۆرە ياخشى (ماقال).

ئون بېشى بولسىمۇ

  • ئون بېشى بولسىمۇ[يەشمىسى:] «ئون جېنى بولسىمۇ»غا قاراڭ:[مىسال:] ئون بېشىڭ بولسىمۇ، سەندىن قورقۇپ قېچىپ قالمايمەن.

ئون جېنى بولسىمۇ

  • ئون جېنى بولسىمۇ[يەشمىسى:] ھەرقانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، كۈچى ناھايىتى زور بولسىمۇ:[مىسال:] قېنى، بۇزۇپ باقە، ئەگەر بۇزىدىغان بولساڭ، ئون جېنىڭ بولسىمۇ، بۇ يەردىن ساق چىقىپ كېتەلمەيسەن.

ئون جېنىنىڭ بىرى قالماق

  • ئون جېنىنىڭ بىرى قالماق[يەشمىسى:] بەك ماغدۇرسىزلىنىپ چارچاپ كەتمەك، ھالىدىن كەتمەك، ئارانلا جېنى قالماق:[مىسال:] ئۇنى بىر دېمىسىلە، دېدى خۇرشىدىخان قوللىرىنى بېلىگە تىرەپ، ئون جېنىمنىڭ بىرسى قالدى.

ئون سەككىز مىڭ ئالەم

  • ئون سەككىز مىڭ ئالەم[يەشمىسى:] پۈتۈن دۇنيا، جىمى ئىقلىم، پۈتۈن ئالەم:[مىسال:] ھەممىدىن كۆڭۈل ئىتتىك، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئون سەككىزمىڭ ئالەمنى ئايلىنىپ چىقالايدۇ، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ قىز.

ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان

  • ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان[يەشمىسى:] ياپياش؛ بېشىدىن ھېچقانداق ئىش ئۆتمىگەن، ھاياتقا ئەمدىلا كۆز ئاچقان:[مىسال:] ئادەم دېگەندە ئارزۇ-ھەۋەس بولىدۇ ئەمەسمۇ، مەن تېخى ياش، ئون گۈلۈمنىڭ بىرى ئېچىلمىدى، دېدى ئۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ.

ئونلار خانىسى

  • ئونلار خانىسى[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] پۈتۈن ساننىڭ خانىسى، يەنى بىرلەر خانىسىدىن باشلاپ سولغا قاراپ سانىغاندا ئىككىنچى خانە.

ئون ئىككى مۇقام

  • ئون ئىككى مۇقام[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ تىپتىكى ئەنئەنىۋى مۇزىكىسى. جەمئىي ئون ئىككى بولۇپ، ھەربىر مۇقام چوڭ نەغمە، داستان ۋە مەشرەپتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

ئون ئىككى مۈچەل

  • ئون ئىككى مۈچەل[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ھەر ئون ئىككى يىل بىر قېتىم دەۋر قىلىدىغان ۋە ھەربىر يىل بىر ھايۋاننىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىغان يىل ھېسابلاش ئۇسۇلى. ئادەتتە بۇ ئون ئىككى يىل چاشقان، ئۇي، يولۋاس، توشقان، بېلىق، يىلان، ئات، قوي، مايمۇن، توخۇ، ئىت، توڭگۇز دېگەن تەرتىپ بويىچە كېلىدۇ.

ئونەيلەن

  • ئونەيلەن[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] ئون كىشى، ئون ئادەم:[مىسال:] ئۇلار بەشى باغ سەيلىسىگە كەتتى، قالغان ئونەيلەن شۇ يەردە ئولتۇردۇق.

ئونبېشى

  • ئونبېشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[قۇرۇلمىسى:]]ئون+باش+ى[[يەشمىسى:] ① فېئوداللىق كونا جەمئىيەتتە ئون ئائىلىنى باشقۇرغۇچى مەھەللە ئەمەلدارى.[يەشمىسى:] ② فېئوداللىق ھەربىي تۈزۈمدە ھەر ئون چېرىككە باش بولغان، ئون چېرىكنى باشقۇرىدىغان كىچىك ھەربىي ئەمەلدار.

ئونتولوگىيە

  • ئونتولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] پەلسەپىنىڭ دۇنيانىڭ مەنبەسى ياكى تەبىئىتىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى.

ئونلاپ

  • ئونلاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىرنەچچە ئوندىن ئىبارەت، ئونلارچە:[مىسال:] قانچە ئۆستەڭ-ئېرىقتىن ئۆتتى ئاتلاپ مەردانە. ئوتقا ئۇردى ئۆزىنى نەچچە ئونلاپ مەردانە.

ئونلۇق

  • ئونلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئون بىرلىك، ئاساس ياكى ئۆلچەم قىلىنغان؛ ئونغا ئىگە:[مىسال:] ئونلۇق ساناق سىستېمىسى. ئونلۇق لوگارىفما.

ئونلۇق كەسىر

  • ئونلۇق كەسىر[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئونلۇق ئاددىي كەسىرنىڭ بىر خىل ئالاھىدە ئىپادىلىنىش شەكلى. مەسىلەن [SX(]32[]001[SX)] نى 23.0 قىلىپ يېزىشقا بولىدۇ، يەنى[SX(]7532[]0001[SX)] نى 357.2 قىلىپ يېزىشقا بولىدۇ، ئوتتۇرىدىكى «.» بەلگە ئونلۇق كەسىر چېكىتى دېيىلىدۇ، ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سان ئونلۇق كەسىر بولىدۇ.

ئونىنچى

  • ئونىنچى[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] تەرتىپى «10»رەقىمى بىلەن بەلگىلەنگەن، تەرتىپ جەھەتتە توققۇزىنچىدىن كېيىن، ئون بىرىنچىدىن بۇرۇن تۇرىدىغان؛ 10-نومۇرلۇق:[مىسال:] ئۇنىڭ نەتىجىسى سىنىپ بويىچە ئونىنچى ئورۇندا بولۇپ، ئەلاچى ھېسابلانمىسىمۇ، ياخشىلار قاتارىدا ئىدى.

ئوھۇ

  • ئوھۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ① كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئوھۇ... تاۋقىش، مېنىڭ كىچىك يول باشلىغۇچۇم دېدى باسىت ئىككى قولىنى بالىغا سۇنۇپ.[يەشمىسى:] ② ھەيران قېلىش، تەئەججۈپلىنىش ياكى زوقلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئوھۇ، مۇنداقمۇ گەپ بار دەڭ تېخى، مەن نەدىمۇ شۇنچە كۆپ پۇل تاپالايمەن دېدى ئۇ ھەيرانلىقتىن كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ.

ئوھۇي

  • ئوھۇي[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] «ئوھۇ»غا قاراڭ:[مىسال:] ئوھۇي، ماۋۇ كارامەتنى كۆرۈڭ، بەئەينى ماگىزىننىڭ ئۆزىغۇ، دېدى قۇربان دەرۋازىدىن پۇتىنى ئېلىپلا.

ئوئۇگۇييا

  • ئوئۇگۇييا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماۋرىتانىيىنىڭ پۇل بىرلىكى.

ئوۋ

  • ئوۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ياۋايى ھايۋانلار، بېلىق، تۈرلۈك قۇش قاتارلىقلارنى تۇتۇش ئىشى، قولغا چۈشۈرۈش، ئولجا ئېلىش پائالىيىتى:[مىسال:] باي ئوۋدىن قايتىپ كېلىپ قارىسا، مال-مۈلكى يوق، چاكىرىمۇ يوق تۇرغۇدەك.[يەشمىسى:] ② تۈرلۈك يوللار بىلەن تۇتۇلغان، قولغا چۈشۈرۈلگەن ياكى تۇتۇش، قولغا چۈشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنغان تۈرلۈك ياۋايى ھايۋانلار، بېلىق ياكى قۇش قاتارلىقلار:[مىسال:] ساتتار ئاكا ئوۋ ئىزدەپ، ئېگىز تاغلارغا نەزەر سېلىپ كەلمەكتە ئىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئالدانغان، تۇزاققا چۈشۈرۈلگەن كىشى:[مىسال:] تاڭ ئېتىشى بىلەنلا بۇ لەنىتى بۈۋى يەنە كوچىغا چىقىپ، چىرايلىق بىر يىگىتنى ئوۋغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆيىگە ئەكىردى.

ئوۋچى

  • ئوۋچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوۋ ئوۋلاشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇنىڭغا ماھىر، دائىم ئوۋ ئوۋلاپ تۇرىدىغان كىشى:[مىسال:] ئۇستا ئوۋچى شىر ئاتار، قاۋۇل دېھقان بوز ئاچار (ماقال).

ئوۋچىلىق

  • ئوۋچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوۋ ئوۋلاش ئىشى، ئوۋ ئوۋلاش پائالىيىتى، ھەرىكىتى:[مىسال:] مەن ئوۋچىلىقنى ياخشى كۆرىمەن، لېكىن كېيىك بوغۇزلىغاننى يامان كۆرىمەن، جاۋاب بەردى ئايدىڭ.

ئوۋلاتماق

  • ئوۋلاتماق[يەشمىسى:] «ئوۋلىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئوۋلاشماق

  • ئوۋلاشماق[يەشمىسى:] «ئوۋلىماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئوۋلانماق

  • ئوۋلانماق[يەشمىسى:] «ئوۋلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئوۋلىماق

  • ئوۋلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ياۋايى ھايۋان، ياۋا قۇش ۋە شۇ قاتارلىقلارنى مىلتىق، قاپقان، قىلتاق، باسماق قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش ياكى تەربىيىلەنگەن ئىت، بۈركۈت، لاچىن، قارچىغا قاتارلىقلارغا ئالدۇرۇش ئارقىلىق تۇتماق، قولغا چۈشۈرمەك:[مىسال:] كېيىك ئوۋلاپ تاغقا چىق، يارنى ئىزدەپ باغقا چىق (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مايىل قىلماق:[مىسال:] بىزنىڭ كونا كىتابلىرىمىزدا «ئەل كۆڭلىنى ئوۋلىغانلار مەقسەتكە يېتىدۇ، ئەلنى ئاغرىتقانلار ھەسرەت چېكىدۇ» دېگەن گەپ بار.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئالدىماق، ئالداپ تۇزاققا چۈشۈرمەك:[مىسال:] ئوۋلىيالمايتتى ئۇنىڭ ھوشيار، غۇبارسىز قەلبىنى، ناز-خۇشامەت، ھىيلە-نەيرەڭ ماھىرى، مەستانىسى.

ئوۋۇش

  • ئوۋۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ۋاي ۋۇي، ئوھۇي (مەنسىتمەسلىكنى بىلدۈرىدۇ).

ئويⅠ

  • ئويⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر تەكشىلىككە نىسبەتەن چوڭقۇر، ئازگال، «دۆڭ» نىڭ ئەكسى:[مىسال:] ئوي يەر.

ئويⅡ

  • ئويⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر كىشى ياكى نەرسە ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىش، پىكىر يۈرگۈزۈش جەريانى؛ ئۆز كۆڭلىدە، ئىچىدە قىلىنغان پىكىر، مۇلاھىزە:[مىسال:] بايغا كۈندە بايرام، كۈندە توي، كەمبەغەلگە كۈندە قايغۇ، كۈندە ئوي (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنى ئەسكە چۈشۈرۈش، ئېسىدە، خاتىرىسىدە ساقلاش قابىلىيىتى؛ ئەس، ئەقىل:[مىسال:] ئۇنىڭ ئويىغا دەرھاللا ھېلىقى موللا كىشى كەلدى.[يەشمىسى:] ③ تەسەۋۋۇر، پەرەز:[مىسال:] ئۇنىڭ ئويىچە بولغاندا، قارىم چوقۇم ئۆزى كېلىشى كېرەك ئىدى.[يەشمىسى:] ④ مەقسەت، نىيەت، مۇددىئا:[مىسال:] سەن خاتا ئويدىن قايتىپ، توغرا يولغا چۈشمىگىچە ئاجرىشىشقا ھەققىڭ يوق

ئويپاڭ

  • ئويپاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر تەكشىلىككە نىسبەتەن چوڭقۇر، پەس، ئورنى تۆۋەنرەك بولغان، ئويمان:[مىسال:] ئويپاڭ يەر.

ئويپاڭلىق

  • ئويپاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئويۇلغان، ئويپاڭلار بار يەر:[مىسال:] ئويپاڭلىقتىن توپا توشۇماق.

ئوي-پىكىر

  • ئوي-پىكىر[يەشمىسى:] ئوي-پىكىر:[مىسال:] ئۇنىڭ كاللىسىدا ھەر خىل ئوي-پىكىرلەر چۆرگىلەيتتى.

ئويچان

  • ئويچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئويغا پاتقان، خىيال سۈرگەن، خىيالچان؛ تولا ئويلايدىغان:[مىسال:] ھە، دېدى خان ئويچان ھالدا، ئۇلارنى چەكلەش كېرەك.

ئويچانلىق

  • ئويچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خىيال سۈرگەن، ئويلانغان ھالەت؛ خىيالچانلىق، ئويغا چۆكۈش:[مىسال:] خېلىل ئاپئاق قار باسقان دالىغا ئويچانلىق بىلەن تىكىلگىنىچە تاماكا ئوراشقا باشلىدى.

ئوي-چوڭقۇر

  • ئوي-چوڭقۇر[يەشمىسى:] ئوي ھەم چوڭقۇر:[مىسال:] مەن ئاتنى يولنىڭ ئوي-چوڭقۇرىنى ئايرىماي بولۇشىغا چاپتۇردۇم.

ئويچى

  • ئويچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئويغا، خىيالغا قاتتىق بېرىلگەن ياكى كۆپ ئويلايدىغان كىشى؛ خىيالپەرەس:[مىسال:] ئوي ئويلايسەن، ئوي ئويلايسەن، ئويچىمىدىڭ سەن. تاغ باغرىدا يېتىۋاپسەن، قويچىمىدىڭ سەن.

ئوي-خىيال

  • ئوي-خىيال[يەشمىسى:] ئوي ۋە خىيال:[مىسال:] بىر يەكشەنبە كۈنى ئايىمگۈل زاۋۇتتىن يېنىپ ئوي-خىيال بىلەن بەند بولغان ھالدا كېتىۋاتاتتى.

ئوي-دوڭغۇل

  • ئوي-دوڭغۇل[يەشمىسى:] ئېگىز-پەس، ئاستىن-ئۈستۈن، ئوڭغۇل-دوڭغۇل:[مىسال:] پىكاپ ئوي-دوڭغۇل يېزا يولىدا سىلكىنىپ كېتىۋاتاتتى.

ئويدۇرما

  • ئويدۇرما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان يالغان گەپ-سۆز، بەتنام، بوھتان؛ ئاساسى يوق يالغان سۆز:[مىسال:] «پارتىيىگە قارشى گۇرۇھ» توغرىسىدىكى ئۈستۈمگە يۈكلەنگەن ئويدۇرمىلار يەلكەمنى بىر يوغان قورام تاش بولۇپ باستى.

ئويدۇرماق

  • ئويدۇرماق[يەشمىسى:] ① «ئويماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار جىنايەتچىلەرگە ئازگال ئويدۇردى.[يەشمىسى:] ② يالغاندىن گەپ تاپماق، بوھتان توقۇماق، پىتنە-پاسات تېرىماق؛ تۆھمەت چاپلىماق:[مىسال:] باشلىقنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن بەزىدە خېلى چوڭ گەپلەرنىمۇ ئويدۇرۇپ چىقىمىز.

ئويدۇرمىچى

  • ئويدۇرمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «تۆھمەتچى»گە قاراڭ:[مىسال:] رەزىل ئويدۇرمىچىلار ئويدۇرۇپ چىقارغان ئىغۋا دەستىدىن توپتوغرا 15 يىل ئازاب چەكتىم.

ئويدۇرمىچىلىق

  • ئويدۇرمىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يالغان پاكىتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىپ باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشى:[مىسال:] ئۇنىڭ ئويدۇرمىچىلىقى دەستىدىن بىرقانچە ئادەم خانىۋەيران بولۇپ كەتتى.

ئوي-دۆڭ

  • ئوي-دۆڭ[يەشمىسى:] ئېگىز-پەس، ئوڭغۇل-دوڭغۇل؛ رەتسىز، ئاستىن-ئۈستۈن:[مىسال:] مەخسۇت ئۇ يەرنىڭ ئوي-دۆڭىنى ياخشى بىلەتتى.

ئويرات

  • ئويرات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مىڭ سۇلالىسى زامانىدا مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدا ياشىغان موڭغۇل قەبىلىلىرى. چىڭ سۇلالىسى زامانىدا ئويرات ياكى ئېلوت دەپ ئاتالغان. ئۇلار بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىسمى ھەمدە بۈگۈنكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربى، ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان. ⅩⅤئەسىردە، بۇ موڭغۇل قەبىلىلىرى بىرمەھەل بىرلەشكەن.

ئويغاتقۇچى

  • ئويغاتقۇچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئويغىتىدىغان، ئويغىتىش رولىنى ئوينايدىغان؛ ئىلھاملاندۇرىدىغان، روھلاندۇرىدىغان:[مىسال:] ئۇلار كىشىنى ئويغاتقۇچى ئاشۇنداق قىزىق، يالقۇنلۇق سۆزلەر تەسىرىدىن ۋاقىتنىڭ قانچىلىك ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەيتتى.

ئويغاتقۇزماق

  • ئويغاتقۇزماق[يەشمىسى:] «ئويغاتماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئويغاتماق

  • ئويغاتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇيقۇلۇق كىشىلەرنى ئۇيقۇدىن تۇرغۇزماق، ئويغاق ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] مەنسۇرنىڭ ئانىسى چۇقان كۆتۈرۈپ قوشنىلىرىنى ئويغاتماقتا ئىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زۇلۇمغا، ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇپ، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان چۈشەنچە ۋە روھنى پەيدا قىلماق ھەم ئۇنى كۈچلەندۈرمەك:[مىسال:] كۈن-تۈن ھەم ئۇيقۇ يوق ۋىجدان ئازابى تېخىمۇ، ئەلنى ئويغاتماق تىلەك ھەرتاڭدا بىر چۇقان بىلەن.[يەشمىسى:] ③ جانلاندۇرماق، جانلىق، جۇشقۇن ھالەتكە كەلتۈرمەك؛ جىمجىت، سۈكۈت ئىچىدىكى ھالىتىنى جانلىق، جۇشقۇن ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] ئويغىتىدۇ گۈدۈك ئۈنى سەھەرنى، داۋام قىلار ھايات يېڭى سەپەرنى.[يەشمىسى:] ④ پەيدا قىلماق، بار قىلماق ياكى كۈچەيتمەك، ئۆرلەتمەك؛ راۋانلاشتۇرماق، ئاچماق:[مىسال:] بالىلارنىڭ سۈرەن-چۇقانلىرى كىشىدە يېزا ھاياتىغا خاس بىر خىل شېرىن تۇيغۇلارنى ئويغىتاتتى.[يەشمىسى:] ⑤ ئازاد قىلماق، خالىي قىلماق، بىكار قىلماق (ئوي-خىيال ھەققىدە):[مىسال:] ئەكبەرنىڭ سۆزى ھاشىم ئاكىنى ئېغىر خىيالدىن ئويغاتتى.

ئويغاق

  • ئويغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۇخلىمىغان، ئۇيقۇدىن خالىي:[مىسال:] ئۇ تېخىچىلا ئويغاق ئىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھوشيار، جانلىق، يۈرەكلىك، سەزگۈ:[مىسال:] زەپ كۆيۈمچان ئانامسەن مېنىڭ، سادىق، ئويغاق بالاڭمەن سېنىڭ.

ئويغاقلىق

  • ئويغاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇخلىماي سەگەك تۇرۇش، شۇنداق ھالەت؛[مىسال:] ئۈگدەك دېگىنىمىز پۈتۈنلەي ئۇخلاپ قېلىش بىلەن ئويغاقلىقنىڭ ئارىلىقىدىكى ئۇيقۇ باسقان ھالەتنى كۆرسىتىدۇ.

ئويغانماق

  • ئويغانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇيقۇدىن خالاس بولماق، ئويغاق ھالەتكە كەلمەك، ئۇيقۇدىن تۇرماق:[مىسال:] ياسىن شىۋىرغاننىڭ ئەنسىز ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەرىكەتكە كەلمەك، قوزغالماق، جانلانماق:[مىسال:] چۆل ئويغاندى... قىزىپ كەتتى جەڭ، مۈشكۈللەرگە كۆكرەكنى كەردۇق. كوئىنلۇندىن ئېلىپ تاش ئۆستەڭ، ئابىھايات باشلاپ ئەكەلدۇق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پەيدا بولماق، ھاسىل بولماق، قوزغالماق، بارلىققا كەلمەك (تۈرلۈك ھېس-تۇيغۇلار ھەققىدە):[مىسال:] مېنىڭ قەلبىمدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھارارەتلىك بىر تۇيغۇ ئويغىنىشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاڭ، سەۋىيىسى ئۆسۈپ، ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى، ئەركىنلىكىنى، ئازادلىقىنى ياكى ئابرۇي ئىناۋىتىنى قولغا كەلتۈرۈش، تىكلەش ئۈچۈن ئاتلانماق، كۈرەش قىلماق، قوزغالماق:[مىسال:] زالىملارنىڭ زۇلىمىغا چىدىمىغان خەلق ئاخىرى ئويغاندى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] غەپلەت باسقان، روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلەشكەن ياكى ئازغان ھالەتتىن قۇتۇلۇپ نورمال ھالەتكە ئۆتمەك، ئۆزىنى ئوڭشىۋالماق، رۇسلىۋالماق:[مىسال:] مەن سىزنىڭ تىزرەك ئويغىنىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن مەنسۇر بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىڭىزغا يول قويىمەن

ئويغىتىشماق

  • ئويغىتىشماق[يەشمىسى:] «ئويغاتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بېگىمنى ئويغىتىشتى، ئۆيدىكىلەرنىڭ جىسمى ئويغاندى.

ئويغىتىلماق

  • ئويغىتىلماق[يەشمىسى:] «ئويغاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئاللىقاچان كەچ كىرىپ كەتكەنىدى، شوپۇرمۇ ئويغىتىلدى.

ئويغىنىشماق

  • ئويغىنىشماق[يەشمىسى:] «ئويغانماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تۆۋەنكى قەۋەتنىڭ بىر قىسمىدا تۇرىدىغان خىزمەتكارلار ئاللىقاچان ئويغىنىشقانىدى.

ئويلاتماق

  • ئويلاتماق[يەشمىسى:] «ئويلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ سوئالى گۈلچەھرىنى بىرئاز ئويلىتىپ قويدى.

ئويلاتماقⅡ

  • ئويلاتماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قوغلىماق، سۈرمەك، قاچۇرماق.

ئويلاشماق

  • ئويلاشماق[يەشمىسى:] ① «ئويلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىز ھازىرنى كۆرۈپ، كەلگۈسىنى ئويلىشىمىز كېرەك.[يەشمىسى:] ② پىكىر قىلماق، مۇلاھىزە يۈرگۈزمەك، ئويلىماق:[مىسال:] ئاۋۋال ئۆيگە بېرىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرىمەن، ئاندىن بۇ ھەقتە ئويلىشىپ باقىمەن، دېدى ئۇ كەسكىن قىلىپ.

ئويلانماق

  • ئويلانماق[يەشمىسى:] «ئويلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار كۆلگە تىكىلگىنىچە ئويلىنىپتۇ، ئەمما بىرەر ئامال تاپالماپتۇ.

ئويلۇق

  • ئويلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوي-مەقسىتى بار، ئويغا بېرىلگەن:[مىسال:] يامان ئويلۇق بالا.

ئويلىشىلماق

  • ئويلىشىلماق[يەشمىسى:] «ئويلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مەسىلىنىڭ يامان تەرىپى سەل كەمرەك ئويلىشىلدىمۇ قانداق... دېدى ئۇ تەرىنى تۇرۇپ.

ئويلىماق

  • ئويلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنى ئەسكە ئېلىپ، پىكىر قىلماق، مۇلاھىزە يۈرگۈزمەك؛ ياد ئەتمەك، ئەسلىمەك:[مىسال:] مەن دائىم سىلەرنى، ئاشۇ قەدىرلىك، ئىللىق مەھەللىمىزنى ئويلاپ تۇرىمەن

ئويلىنىلماق

  • ئويلىنىلماق[يەشمىسى:] «ئويلانماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئويما

  • ئويما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئويۇلغان، ئويۇپ ياسالغان ياكى ئويۇلغان ھالەتتىكى:[مىسال:] ئويما رەسىم. ئويما مەتبەئە. ئويما نەقىش.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] ئويما رەسىم:[مىسال:] ياغاچ ئويما. تاش ئويما رەسىم:[مىسال:] ياغاچ تاش ئويما.

ئويمات

  • ئويمات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① ئون مودىن تارتىپ يۈز موغىچە كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر، تېرىلغۇ مەيدانى.[يەشمىسى:] ② ئوي، ئويمان، ئويمانلىق.

ئويماتلاشماق

  • ئويماتلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بۆلەك-بۆلەك تېرىلغۇ يەرلەر ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇپ بىر تۇتاش، بىر گەۋدە ھالىتىگە كەلمەك، بىرلەشتۈرۈلمەك، كۆلىمى چوڭايتىلماق، مەيدانلاشتۇرۇلماق.

ئويماقⅠ

  • ئويماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇرۇم ياكى مېتالدىن ياسالغان، بارماققا كىيىپ يىڭنىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئىتتىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇم:[مىسال:] ئورغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغۇچە، ئويماق تۇتۇپ ئاناڭ قالسۇن (ماقال).

ئويماقⅡ

  • ئويماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كولاپ چوڭقۇر ھاسىل قىلماق، ئويمان ھالاتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئۆيى ئالتۇنلۇقتىكى يارلىققا ئويۇپ ياسالغان گەمىلەرنىڭ بىرىدە ئىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كولاش، يۇنۇش ياكى كېسىش يولى بىلەن بىرەر نەرسىنىڭ يۈزىگە بىرەر ئىز ياكى شەكىل چىقارماق:[مىسال:] تامغا ئويماق. نەقىش ئويماق.

ئويماقسىز

  • ئويماقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئويمىقى يوق، ئويماق تۇتمىغان، ئىشلەتمىگەن:[مىسال:] ئويماقسىز خوتۇن بولماس، تىغسىز ئەر بولماس(ماقال).

ئويماقلىق

  • ئويماقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئويمىقى بار، ئويماق سالغان:[مىسال:] ئۇ ئويماقلىق قولىنى كۆرسىتىپ بىر نېمىلەرنى دەۋاتاتتى.

ئويمان

  • ئويمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەتراپتىكى تەكشىلىككە نىسبەتەن پەس، چوڭقۇر؛«دۆڭ»نىڭ ئەكسى:[مىسال:] قاراقچىلار ئالدىغا سېلىپ كەتكەن ئادەملەرنى ئويمان يولغا ھەيدەپ چۈشتى.

ئويمان-چوڭقۇر

  • ئويمان-چوڭقۇر[يەشمىسى:] ئويمان ھەم چوڭقۇر:[مىسال:] كېچىدە يولنىڭ ئويمان-چوڭقۇرىنى پەرق ئېتىشمۇ تەس ئىدى.

ئويمان-دۆڭ

  • ئويمان-دۆڭ[يەشمىسى:] ① ئويمان ۋە دۆڭ.[يەشمىسى:] ② ئەھۋال، شارائىتى:[مىسال:] ئۇ بۇ يەرنىڭ ئويمان-دۆڭىنى ئوبدان بىلىدۇ، بۇرۇن بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرغان.

ئويمانلىق

  • ئويمانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] تاغ ياكى ئېگىزلىكلەر بىلەن قورشالغان تۈز يەر، تۈزلەڭلىك:[مىسال:] تارىم ئويمانلىقى. تۇرپان ئويمانلىقى. جۇڭغار ئويمانلىقى.

ئويمىچى

  • ئويمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاش، ياغاچ ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەرگە تۈرلۈك گۈل، نەقىش ياكى تېكىستلارنى ئويىدىغان ئۇستا:[مىسال:] مامۇت ئويمىچى كېرەم بويتاقنىڭ ئۆزىگە غەزەپ بىلەن قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، گېپىنى ئىزاھلاشقا ئۆتتى.

ئويمىچىلىق

  • ئويمىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئويمىچىلار قىلىدىغان كەسىپ، ھۈنەر، ئىش.

ئويمىكار

  • ئويمىكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئويمىچى»غا قاراڭ:[مىسال:] ئاتىسى ئىدى تاشچى ھەم ئويمىكار، كېلەتتى يىللار داۋام تاشتىن قاتتىق. ھەسرەتنىڭ قاينىمىدا ئۈزگەن ئاتا، كۆرمىدى ئۆمرىدە ھېچ خوپلۇق-شادلىق.

ئويمىكەش

  • ئويمىكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئويمىچى»غا قاراڭ:[مىسال:] بۇ توغرۇلۇق شەھەردىكى ئويمىكەشلەردىن بىر-بىرلەپ سوراشتۇرۇپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ، دېدى ئۇ سەل توختاپ.

ئويمىكەشلىك

  • ئويمىكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئويمىچىلىق»قا قاراڭ.

ئويناتماق

  • ئويناتماق[يەشمىسى:] «ئوينىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئولتۇرىسەن گۈلئايىم، قاش-كۆزۈڭنى ئوينىتىپ. كۆيدۈرىسەن نېمانچە، يۈرىكىمگە ئوت يېقىپ.

ئويناش

  • ئويناش[يەشمىسى:] ① «ئوينىماق» سۆزىنىڭ يەنە بىر ئىسىمدىشى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاشنا:[مىسال:] ئۇ ئوينىشى سادىقنى تاپتى-دە، قايتىدىن كۈچكە ئىگە بولغاندەك ئۆزى ئۇرۇشۇپ قالغان ھېلىقى باققال يىگىتنى ئىزلەپ يۈگۈردى.

ئويناشماق

  • ئويناشماق[يەشمىسى:] ① «ئوينىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كوچىدا بىرمۇنچە ئۇششاق بالىلار ئوينىشىپ يۈرەتتى.[يەشمىسى:] ② چاقچاق قىلماق:[مىسال:] بەختىيارنىڭ ئويناشقاندەك ئېيتقان بۇ سۆزلىرى مېنىڭ كۈلكەمنى قىستايتتى.

ئويناق

  • ئويناق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىگە شادلىق بېغىشلايدىغان، جۇشقۇن، يەڭگىل، شوخ (تۈرلۈك نەرسىلەرنىڭ ھەرىكىتى ھەققىدە):[مىسال:] زەيتۇنەمنىڭ كۆزلىرى يەنە شۇ بۇرۇنقىدەكلا شوخ، ئويناق ئىدى.

ئويناقلاتماق

  • ئويناقلاتماق[يەشمىسى:] «ئويناقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شانىياز ئېتىنى ئويناقلىتىپ يىراقلاپ كېتىۋاتقان يېزا باشلىقى نىيازغا كەينىدىن خېلىغىچە قاراپ تۇردى.

ئويناقلاشماق

  • ئويناقلاشماق[يەشمىسى:] «ئويناقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شەربەت سۇلار ئويناقلىشىپ، ئۈنچە-مارجان چېچىپ كەلدى، قىرغاقلارغا ئوغۇل-قىزلار... ئۇسسۇل ئويناپ، ئېشىپ كەلدى.

ئويناقلىق

  • ئويناقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىنى جەلىپ قىلارلىق دەرىجىدىكى شوخلۇق، يەڭگىل ھەم جۇشقۇنلۇق:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزلىرى ئەمدى چاقناپ تۇرىدىغان ئويناقلىقىدىن قالغانىدى.

ئويناقلىماق

  • ئويناقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يەڭگىل، شوخ ھەرىكەت قىلماق، ئەركىلىمەك:[مىسال:] ئۇچقىن، ئۇچقىن كەپتىرىم، كۆك قەھرىدە پەرۋاز قىل، موللاق ئېتىپ ئويناقلاپ، كۆڭۈللەرنى خۇشال قىل.

ئوينالماق

  • ئوينالماق[يەشمىسى:] «ئوينىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] خەلقنىڭ تەلەپ قىلىشى ئارقىسىدا بۇ دراما يەنە ئون مەيدان ئوينالدى.

ئوينىغۇچⅠ

  • ئوينىغۇچⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوغۇننىڭ بالدۇر پىشىدىغان بىر تۈرى. چوڭلۇقى مۇشتتەك بولۇپ، يوغىنىمايدۇ؛ چىلگە:[مىسال:] دادا، ماڭا بىر ئوينىغۇچ ئۈزۈپ بېرە، دەپ غەلۋە قىلغىلى تۇردى ھېلىقى كىچىك بالا.

ئوينىغۇچⅡ

  • ئوينىغۇچⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەتلەس توقۇشتا گولا تاياقچىلىرىنى يۇقىرى-تۆۋەن ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغان غالتەك؛ موللاقچى.

ئوينىغۇچ يىپى

  • ئوينىغۇچ يىپى[يەشمىسى:] ئەتلەس توقۇشتا ئوينىغۇچلارنى تۇتۇپ تۇرىدىغان يىپ.

ئوينىماق

  • ئوينىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئارام ئېلىش خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن مەلىكە بولۇپ ۋاقىتنى ئويۇن-كۈلكە بىلەن ئۆتكۈزمەك؛ ئەركىن ھالدا ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلىپ كۆڭۈل ئاچماق:[مىسال:] قازىنىڭنىڭ قاينىشىغا باق، بالاڭنىڭ ئوينىشىغا باق (ماقال). * كۆڭلۈڭ رەنجىسە، كۈلۈپ ئوينا (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئۇسسۇل، تانسا، ھەر خىل تەنھەرىكەت تۈرلىرى قاتارلىقلارنى ئورۇندىماق، بېجىرمەك:[مىسال:] تۆگە ئۇسسۇل ئوينىسا، يەتتە تاختا زەدەكنى بۇزار (ماقال).[يەشمىسى:] ③ سەھنە ئەسەرلىرى ياكى ئالدىن بەلگىلەنگەن بىرەر ئىش-ھەرىكەتتە مەلۇم بىر پېرسوناژنىڭ رولىنى ئالماق، شۇنىڭ رولىدا چىقماق:[مىسال:] ئۇ بۇ درامىدا قازىنىڭ رولىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوينىدى.[يەشمىسى:] ④ شوخ، يېقىملىق ھەرىكەتلەنمەك؛ كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگۈدەك قىلىق-ھەرىكەتلەرنى قىلماق:[مىسال:] تاشۋاينىڭ بارماقلىرى راۋاب پەدىلىرى ئۈستىدە ئوينايتتى.[يەشمىسى:] ⑤ بىرەر نەرسىنى قول ياكى مۇناسىۋەتلىك ئەزالار بىلەن تۈرلۈك شەكىلدە ھەرىكەتلەندۈرمەك، مىدىرلاتماق:[مىسال:] ئۇ گەپ قىلماستىن چېچىنىڭ ئۇچىنى ئويناپ يەرگە قاراپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۇرغۇماق، مەۋج ئۇرماق، كۈۋەجىمەك:[مىسال:] ۋۇجۇدىمىز گاڭ پولات، غەيرەت دېگەن يۈرەكتە. غەيرەت بولغاچ يۈرەكتە، كۈچ ئوينايدۇ بىلەكتە.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەكس ئەتمەك، جىلۋە قىلماق، ئىپادىلەنمەك:[مىسال:] ئەنۋەر بىردىنلا جانلىنىپ لەۋلىرىدە كۈلكە ئوينىدى.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يات جىنستىكىلەر بىلەن خۇپىيانە ھالدا بىللە بولماق، يوشۇرۇن ئۇچرىشىپ كۆڭۈل ئاچماق، شەھۋانىي قىلىق-ھەرىكەتلەرنى قىلماق:[مىسال:] ئۇ بىر دېدەكنى ئويناپ قويۇپ، دېدەكنىڭ بويىدا قالغاندىن كېيىن ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىۋالغان.

ئويۇشماق

  • ئويۇشماق[يەشمىسى:] «ئويماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئويۇق

  • ئويۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۈرلۈك نەرسە-كېرەكلەرنى قويۇش ئۈچۈن ئۆي ۋە ھويلا تاملىرىنى ئويۇش ياكى ئۆي تاملىرىغا يۆلەپ مەلۇم ئېگىزلىكتە تام قوپۇرۇش يولى بىلەن چىقىرىلغان جاي، تەكچە:[مىسال:] ئويۇقتا ئورۇن-كۆرپە نامى بىلەن بىر قۇچاق ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەر تىزىپ قويۇلغانىدى.[يەشمىسى:] ② قاشتېشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىنى كولاپ بوشىتىلغان بوشلۇق.

ئويۇقⅡ

  • ئويۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەندىزە، كەشتە نۇسخىسى، تەكچە.

ئويۇقچە

  • ئويۇقچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك ئويۇق:[مىسال:] ئۇ كىتابنى ئېھتىيات بىلەن ئويۇقچىدىن ئالدى ھەمدە ئاستا قوينىغا سېلىپ ئۆيدىن چىقتى.

ئويۇلماق

  • ئويۇلماق[يەشمىسى:] «ئويماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بوز ئېچىپ ئۆستەڭ چېپىپ، ئاشلىق تېرىلدى دەشتىگە. ئۆي سېلىپ، زاۋۇت قۇرۇپ، نەقىش ئويۇلدى بەستىگە.

ئويۇم

  • ئويۇم[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] مەلۇم بىرنەرسە بىلەن بىرەر تەكشىلىك يۈزىنى بىرلا قېتىم ئويۇپ ئالغاندا چىققان نەرسىنىڭ مىقدارىغا تەڭ بولغان مىقدار:[مىسال:] بىر ئويۇم توپا.

ئويۇن

  • ئويۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەركىن مەشغۇلات، ھەرىكەت:[مىسال:] ئويۇننىڭ ئېزى ياخشى (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئۆزئارا مۇسابىقىلىشىش، بەسلىشىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان، بەلگىلىك قائىدە-تەرتىپلەر ئاساسىدا بولىدىغان تۈرلۈك مەشغۇلات، پائالىيەت:[مىسال:] ئۇنىڭ دوستلىرى دائىم دېگۈدەك «تاش تەرمە»، «توپ چاكىم» دېگەندەك ئويۇنلارنى ئوينايتتى.[يەشمىسى:] ③ كىشىلەرگە مەنىۋى جەھەتتىن زوق بېرىدىغان، توپلانغان تاماشىبىنلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناخشا-ئۇسسۇل، چېلىشىشقا ئوخشاش كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى:[مىسال:] ئويۇن كۆرۈۋاتقان تاماشىبىنلار ئۇلارنى كۆرۈپلا دۈررىدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.[يەشمىسى:] ④ كۆڭۈل ياساپ ياكى قىزىقچىلىق قىلىپ قىلىنغان گەپ-سۆز ياكى ھەرىكەت، چاقچاق، ھەزىل:[مىسال:] ئويۇن قىلماق. * بۇ ئويۇن ئەمەس راست شۇنداق بولۇۋاتىدۇ، دېدى ئۇ رەنجىگەندەك قىلىپ.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاسان، ناھايىتى ئوڭاي ئىش، تاماشا، كۆڭۈل ئېچىش ئورنىدىكى ھەرىكەت-پائالىيەت:[مىسال:] مۈشۈككە ئويۇن چاشقانغا قىيىن (ماقال).[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەلۇم بىر تەرەپكە قارشى بەلگىلىك دەرىجىدە مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان يوشۇرۇن پائالىيەت، قەستەن باشقا مەقسەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت، ھىيلە-مىكىر، نەيرەڭ، سۇيىقەست:[مىسال:] ھەقىقەتتە بولسا تاغدىن مەرگەن توپلاپ ئەۋەتىش تۆمۈر خەلپىنىڭ ئويۇنى ئىدى.

ئويۇن چىقارماق

  • ئويۇن چىقارماق[يەشمىسى:] قەستەن غەيرىي ھالەت پەيدا قىلماق، ھىيلە-مىكىر ياكى قىزىقچىلىق قىلماق:[مىسال:] ناۋادا سەن «ياق» دەپ سالساڭ نەپسىگە ھار كېلىشتىن قورقۇپ شۇنداق ئويۇننى چىقارغان چېغى.

ئويۇندىن چىڭغا چىقماق

  • ئويۇندىن چىڭغا چىقماق[يەشمىسى:] دەسلەپ چاقچاق قىلىشىپ، كېيىن جېدەللىشىپ قالماق.

ئويۇن قويماق

  • ئويۇن قويماق[يەشمىسى:] كىشىلەرگە سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتمەك:[مىسال:] ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى بۇ ناھىيىگە چىقىپ ئون نەچچە مەيدان ئويۇن قويدى.

ئويۇن قېپى

  • ئويۇن قېپى[يەشمىسى:] ئويۇن تاماشىغا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كەتكەن، ئويۇن-تاماشا بىلەنلا مەشغۇل بولىدىغان، بىكار تەلەپ:[مىسال:] زاكىر بولسا ئويۇن قېپى ئىكەن، شۇڭا مەكتەپتىمۇ ئوقۇيالماپتۇ.

ئويۇن قىلماق

  • ئويۇن قىلماق[يەشمىسى:] چاقچاق قىلماق، ئويناشماق:[مىسال:] موماي ئېيتتىكى:[مىسال:] «مېنىڭ دېگىنىم راست، ماڭا ئويۇن قىلغۇچە، ئۆز تەڭتۈشلىرىڭىزغا ئويۇن قىلسىڭىز بولمامدۇ»

ئويۇن كۆرسەتمەك

  • ئويۇن كۆرسەتمەك[يەشمىسى:] ① كىشىلەرگە خۇشاللىق، زوق ئاتا قىلىدىغان تۈرلۈك سەنئەت خاراكتېرىدىكى ئويۇن-نومۇرلىرىنى كۆرسەتمەك؛ ئورۇنلىماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قۇۋلۇق-شۇملۇق قىلماق، سۇيىقەست قىلماق، ھىيلە ئىشلەتمەك:[مىسال:] بولدى، ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ شۇنچىلىك ئويۇن كۆرسەتكەنلىرىمۇ يېتەر

ئويۇنپەرەس

  • ئويۇنپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئويۇنغا ئامراق، دائىم ئويۇن-تاماشا قىلغۇسى كېلىدىغان، ئويۇن قېپى:[مىسال:] ماچىلدىما، ئويۇنپەرەس ئەخمەق، دېدى دادام قولۇمنى سىلكىپ.

ئويۇن-تاماشا

  • ئويۇن-تاماشا[يەشمىسى:] ئويۇن ۋە تاماشا:[مىسال:] ئۇلار ئويۇن-تاماشىغا بېرىلگەندە، ئەخمەت ئۇلارنى جامائەت سورۇنلىرىدا سۆكتى.

ئويۇنچا

  • ئويۇنچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىمنىڭ ياقا، يەڭ قاتارلىق جايلىرىنىڭ ئويۇلغان قىسمى، ئويۇلغان جاي:[مىسال:] يەڭ ئويۇنچىسى. ياقا ئويۇنچىسى.

ئويۇن-چاقچاق

  • ئويۇن-چاقچاق[يەشمىسى:] ئويۇن ۋە چاقچاق، ئومۇمەن چاقچاق، ئويۇن تۈسىنى ئالغان ھەر خىل گەپ-سۆز ۋە ھەرىكەتلەر:[مىسال:] ئۇلار خۇددى توي-مەرىكىسىگە كېتىۋاتقان كىشىلەردەك ئويۇن-چاقچاق بىلەن ئىلگىرىلەيتتى.

ئويۇنچۇق

  • ئويۇنچۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بالىلارنىڭ ئوينىشى ئۈچۈن ياسالغان ھەر خىل شەكىلدىكى نەرسە، بۇيۇم:[مىسال:] بۇ قىزچاق مومىسىنىڭ ئازابلىرىدىن خەۋەرسىز، ئۆزىنىڭ ئويۇنچۇقلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ ئولتۇراتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىراۋنىڭ ئارزۇسىنى سۆزسىز ئىجرا قىلىدىغان، نېمە قىل دېسە شۇنى قىلىدىغان كىشى، قورچاق:[مىسال:] سىز ئاللىقاچان باشلىقىڭىزنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىڭىزنى بىلەمسىز ؟

ئويۇنچى

  • ئويۇنچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئويۇن-تاماشىغا بەك ئامراق، ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان؛ ئويۇنقېپى:[مىسال:] ئويۇنچى بالا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئومۇمەن ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرى ۋە سېرىك ئويۇنلىرىنى تاماشىبىنلار ئالدىدا ئويناپ كۆرسەتكۈچى ئارتىس:[مىسال:] بىزنىڭ يېزىغا تۇرپان سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئويۇنچىلىرى كېلىپ ئۈچ مەيدان ئويۇن قويدى.

ئويۇنخانا

  • ئويۇنخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئومۇمەن تۈرلۈك ئويۇنلار ئوينىلىدىغان ياكى كۆرسىتىلىدىغان جاي، ئۆي، زال.

ئويۇن-كۈلكە

  • ئويۇن-كۈلكە[يەشمىسى:] ئويۇن ۋە كۈلكە؛ تاماشا:[مىسال:] ئۇلار ئويۇن-كۈلكىلەردىن چارچاپ سالقىنلاش ئۈچۈن چىققانىدى.