ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

15 غ 🔗

غ

غاپ

غاپشىماق

غاپ-غۇپ

غاپىل

غاپىللىق

غاجاتماق

غاجاشماق

غاجالماق

غاجىغۇچى

غاجىغۇچىلار

غاجىماق

غاچ

غاچچىدە

غاچ-غاچ

غاچ-غۇچ

غاچىر

غاچىر-غۇچۇر

غاچىرلاتماق

غاچىرلاشماق

غاچىرلىماق

غاچىلداتماق

غاچىلداشماق

غاچىلدىماق

غادايتماق

غادايماق

غادىر-سۇكۇر

غادىيىشماق

غارⅠ

غارⅡ

غاراس

غاراسسىدە

غاراس-غۇرۇس

غاراسلاتماق

غاراسلىماق

غاراڭ-غۇرۇڭ

غاراڭلىماق

غارال

غارام

غارايىپ

غارت

غارتتىدە

غارت-غارت

غارت-غۇرت

غارتىلداتماق

غارتىلدىماق

غاررىدە

غارس

غارسسىدە

غارس-غۇرس

غارسىلداتماق

غارسىلدىماق

غار-غارⅠ

غار-غارⅡ

غارغالتا

غار-غۇر

غارقىراتماق

غارقىراشماق

غارقىرىماق

غارىقۇن

غارىلداتماق

غارىلداشماق

غارىلدىماق

غاز

غازات

غازاڭ

غازاڭلىق

غازتاپان

غازتاپان ئېرەن

غازقانات

غازقانات ئوت

غازئوت

غازىي

غازىيانە

غازيېمەس

غاژ

غاژ-غاژ

غاژ-غۇژ

غاژ-غۇژلاشماق

غاژىلداتماق

غاژىلداشماق

غاژىلدىماق

غاس

غاسسىدە

غاس-غاس

غاس-غۇس

غاسىلدىماق

غاشⅠ

غاشⅡ

غاغىرا

غاق

غاق-غاق

غاق-غۇق

غاقىلداتماق

غاقىلداشماق

غاقىلدىماق

غاڭزا

غاڭزىلىق

غاڭشىماق

غال

غالتەك

غالتەكچى

غالتەكلىك

غالجاق

غالجىر

غالجىرانە

غالجىرلارچە

غالجىرلاشتۇرماق

غالجىرلاشماق

غالجىرلىق

غالچا

غالچەك

غالچىلىق

غالداڭ

غالداڭ-غالداڭ

غالداڭ-غۇلدۇڭ

غالداڭلاتماق

غالداڭلاشماق

غالداڭلىماق

غالدىر

غالدىراڭ

غالدىر-غالدىر

غالدىر-غۇلدۇر

غال-غال

غالغۇي

غالمۇس-غۇلمۇس

غالىب

غالىبانە

غالىبلارچە

غالىبلىق

غالىبىيەت

غالىبىيەتلىك

غالىس

غالىلداتماق

غالىلداشماق

غالىلدىماق

غانجۇغا

غانجۇغىدا كۆرۈشمەك

غانجۇغىلاتماق

غانجۇغىلاشماق

غانجۇغىلانماق

غانجۇغىلىق

غانجۇغىلىماق

غاۋۇر-غۇۋۇر

غايە

غايەت

غايلىماق

غاينۇق

غايىب

غايىبانە

غايىسىز

غايىلىك

غايىۋى

غايىۋىلەشتۈرمەك

غايىۋىلەشتۈرۈلمەك

غايىۋىلەشمەك

غايىۋىلىك

غەپسە

غەپلەت

غەپلەتلىك

غەجەپ

غەچچەي

غەر

غەرەز

غەرەزچى

غەرەزسىز

غەرەزگۇي

غەرەزلىك

غەرب

غەربچە

غەربلەشتۈرمەك

غەربلەشمەك

غەربلىك

غەربىي

غەربىي دىيار

غەربىي سەھرايى كەبىر

غەرق

غەزەپ

غەزەپلەندۈرمەك

غەزەپلەنمەك

غەزەپلىك

غەزەپلىنىشمەك

غەزەپ-نەپرەت

غەزەل

غەزەلچى

غەزەلخان

غەزەلخانلىق

غەزەلىيات

غەزۋە

غەزىنەت

غەسسال

غەسىل

غەش

غەشلىك

غەلەت

غەلدى-غەش

غەللە

غەللە-پاراق

غەللىچى

غەلۋە

غەلۋە-غوۋغا

غەلۋىچى

غەلۋىخور

غەلۋىر

غەلۋىرەك

غەلۋىرچى

غەلۋىرىسىمان

غەلۋىسىز

غەلۋىلىك

غەلىبە

غەلىبىسېرى

غەلىبىلىك

غەلىتە

غەلىتىلەشمەك

غەلىتىلىك

غەلىيان

غەلىيانچى

غەلىيانلىق

غەم

غېمىدە يوق

غەم-ئەندىشە

غەمخان

غەمخور

غەمخورلۇق

غەمزە

غەمسىز

غەمسىزلىك

غەمسىنماق

غەم-غۇسسە

غەم-قايغۇ

غەمكىن

غەمكىنلەشمەك

غەمكىنلىك

غەمگۈزار

غەملەتمەك

غەملەشمەك

غەملەنمەك

غەملىك

غەملىمەك

غەمناك

غەم-ھەسرەت

غەنىي

غەنىيلىك

غەنىيمەت

غەۋۋاس

غەۋۋاسلىق

غەيرەت

غەيرەت-جاسارەت

غەيرەتچان

غەيرەتسىز

غەيرەتسىزلىك

غەيرەت-شىجائەت

غەيرەتلەندۈرمەك

غەيرەتلەندۈرۈشمەك

غەيرەتلەندۈرۈلمەك

غەيرەتلەنمەك

غەيرەتلىك

غەيرىي

غەيرىيلىك

غەيۇر

غەيۇرانە

غەيۇرلۇق

غەيۋەت

غەيۋەتچى

غەيۋەتچىلىك

غەيۋەتخور

غەيۋەتخورلۇق

غەيۋەت-شىكايەت

غوپ

غوپپىدە

غوپ-غوپ

غوپ-غوپىلاڭ

غوت

غوت-غوت

غوتۇلداتماق

غوتۇلداشماق

غوتۇلداق

غوتۇلدىماق

غوجا

غوجا تام

غوداي

غودۇر

غودۇر بۇغداي

غودۇر-بۈدۈر

غودۇر-دۆڭ

غودۇرلۇق

غودۇڭشىتماق

غودۇڭشىشماق

غودۇڭشىغاق

غودۇڭشىماق

غورⅠ

غورⅡ

غورا

غورا قاپاق

غوراپ

غورتەك

غور-غورⅠ

غور-غورⅡ

غورۇ

غورۇڭ

غورۇڭ-غورۇڭ

غورۇلانماق

غورۇلاي

غورۇلداتماق

غورۇلدىماق

غورۇلۇق

غورۇلىماق

غورىگىل

غورىگىلچىلىك

غورىگىللىق

غورىلىماق

غوزا

غوزەك

غوزەكلىمەك

غوزو

غوزىپايە

غوزىلىماق

غوڭ

غوڭشىتماق

غوڭشىشماق

غوڭشىماق

غوڭ-غوڭ

غوڭقا

غوڭڭىدە

غوڭۇلداتماق

غوڭۇلداشماق

غوڭۇلداق

غوڭۇلدىماق

غول Ⅰ

غولى ئاپتاپ كۆرمىگەن

غول ياغاچ

غولⅡ

غولⅢ

غولاسەن

غولچېچى

غولدا

غولداتماق

غولداشماق

غولدۇر

غولدۇر-غولدۇر

غولدۇرلاتماق

غولدۇرلاشماق

غولدۇرلىماق

غولدىماق

غولسىز

غوللۇق

غوللىماق

غوۋغا (غوۋغاسى)

غوۋغاچى

غوۋغاسىز

غوۋغالاشماق

غوۋغالىق

غۇبار

غۇبارسىز

غۇپ

غۇپپىدە

غۇپ-غۇپ

غۇجۇم

غۇچ

غۇچچىدە

غۇچچۇق

غۇچۇر

غۇچۇر-غۇچۇر

غۇچۇرلاتماق

غۇچۇرلىتىشماق

غۇچۇرلىماق

غۇدۇراتماق

غۇدۇراشماق

غۇدۇرىماق

غۇدۇق-بۇدۇق

غۇر

غۇربەت

غۇربەتچىلىك

غۇربەتسىرىماق

غۇربەتلەشمەك

غۇربەتلىك

غۇرت

غۇرتەك

غۇرتتىدە

غۇرت-غۇرت

غۇرتۇلداتماق

غۇرتۇلداشماق

غۇرتۇلدىماق

غۇررەك

غۇررىدە

غۇر-غۇر

غۇرقىراتماق

غۇرقىراشماق

غۇرقىرىماق

غۇرۇر

غۇرۇرلانماق

غۇرۇرلۇق

غۇژ

غۇژژىدە

غۇژ-غۇژ

غۇژغۇن

غۇژمەك

غۇژمەك-غۇژمەك

غۇژمەكلەشتۈرمەك

غۇژمەكلەشتۈرۈلمەك

غۇژمەكلەشمەك

غۇژمەكلەنمەك

غۇژۇلداتماق

غۇژۇلداشماق

غۇژۇلدىماق

غۇسسە

غۇسۇل

غۇسۇل-تاھارەت

غۇلاتماق

غۇلاچ

غۇلاچ تاشلىماق

غۇلاچلاتماق

غۇلاچلاشماق

غۇلاچلانماق

غۇلاچلىق

غۇلاچلىماق

غۇلاش

غۇلاشماق

غۇلام

غۇلجا

غۇلغۇلا

غۇلى

غۇلىتىشماق

غۇلىتىلماق

غۇلىماق

غۇم

غۇمسىنماق

غۇمۇكلەشمەك

غۇنان

غۇنچا

غۇنچە

غۇنچىلىماق

غۇنچىئۈزۈم

غۇندەك

غۇنىجىن

غۇۋا

غۇۋالاشتۇرماق

غۇۋالاشتۇرۇلماق

غۇۋالاشماق

غۇۋالىق

غۇي

غۇي-غۇي

غۇيۇلداتماق

غۇيۇلداشماق

غۇيۇلدىماق

غۇيياڭشىماق

غۇييىدە

غې

غېجەك

غېجەكچى

غېجىر

غېجىر سالۋا

غېدىر

غېرىب

غېرىبانە

غېرىب-بىچارە

غېرىبپەرۋەر

غېرىبچە

غېرىبچىلاپ

غېرىبچىلىق

غېرىبچىلىماق

غېرىبخانا

غېرىبسىندۇرماق

غېرىبسىنىماق

غېرىب-غۇرۋا

غېرىبلاشماق

غېرىبلىق

غېرىب-مۇساپىر

غېرىب-مىسكىن

غېرىچ

غېرىچلاتماق

غېرىچلاشماق

غېرىچلانماق

غېرىچلىماق

غىپ

غىپپىدە

غىپچا

غىپچىدىماق

غىپچىنماق

غىپ-غىپ

غىپلا

غىپىلداتماق

غىپىلداشماق

غىپىلدىماق

غىت

غىت-غىت

غىتمەك

غىتىلداتماق

غىتىلداشماق

غىتىلدىماق

غىجەك

غىجىم

غىجىملىماق

غىچⅠ

غىچⅡ

غىچچىدە

غىچ-غىچ

غىچىر

غىچىر-غىچىر

غىچىرلاتماق

غىچىرلاشماق

غىچىرلىماق

غىچىلداتماق

غىچىلداشماق

غىچىلدىماق

غىدىغۇچ

غىدىق

غىدىق-پىدىق

غىدىقلاتماق

غىدىقلاشماق

غىدىقلانماق

غىدىقلىغۇچ

غىدىقلىماق

غىدىڭ

غىدىڭ-پىدىڭ

غىدىڭشىشماق

غىدىڭشىماق

غىر

غىرت

غىرتتىدە

غىرت-غىرت

غىرتىلداتماق

غىرتىلداشماق

غىرتىلدىماق

غىرتىلداق

غىرداتماق

غىرداشماق

غىردالماق

غىردىماق

غىررىدە

غىرس

غىرس-غىرس

غىرسىلداتماق

غىرسىلدىماق

غىر-غىر

غىرقىراتماق

غىرقىراشماق

غىرقىراق

غىرقىرىماق

غىرىڭ

غىرىڭ-پىرىڭ

غىرىلداتماق

غىرىلداشماق

غىرىلدىماق

غىزا

غىزاسىز

غىزاسىزلىق

غىزالاندۇرماق

غىزالاندۇرۇلماق

غىزالانماق

غىزالىق

غىزالىنىشماق

غىژ

غىژ-غاژ

غىژ-غىژ

غىژ-غىژلاشماق

غىژمۇدۇن

غىژىلداتماق

غىژىلداشماق

غىژىلدىماق

غىق

غىر-غىق

غىققىدە

غىقىلداتماق

غىقىلداشماق

غىقىلدىماق

غىڭ

غىڭ-پىڭ

غىڭشىتماق

غىڭشىشماق

غىڭشىغاق

غىڭشىماق

غىڭ-غىڭ

غىڭىلداتماق

غىڭىلداشماق

غىڭىلدىماق

غىلⅠ

غىلⅡ

غىلاپ

غىلاپ بەندىسى

غىلاپسىز

غىلاپلىق

غىلاڭ

غىلام-غىلام

غىل-پال

غىلتاڭ

غىلجىڭ

غىلجىڭشىماق

غىلجىڭلاتماق

غىلجىڭلاشماق

غىلجىڭلىق

غىلجىڭلىماق

غىلدىر

غىلدىرەك

غىلدۇرغۇچ

غىلدىر-غىلدىر

غىلدىرلاتماق

غىلدىرلاشماق

غىلدىرلىماق

غىل-غىل

غىللىدە

غىلمان

غىمسا

غىمىسسىدە

غىمىسسىماق

غىنجە

غىنجىباغ

غىۋە

ئىزاھى

غ

  • غ[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ ئون بەشىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن ئون بەشىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما. «غ» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «غ»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «غ»، باش ۋە ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «غ»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ىغ»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «غې».

  • «غ» ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرش ئورنى جەھەتتىن تىل تۈۋى يۇمشاق تاڭلاي تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن سىيرلاڭغۇ تاۋۇش، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشتۇر.

  • «غ» تاۋۇشىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى

  • «غ» تاۋۇشى بىلەن ئاياغلاشقان بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە تەلەپپۇزىدىكى ئاسانلىقنى كۆزدە تۇتۇپ «ق» تاۋۇشى بىلەن باشلىنىدىغان قوشۇمچە قوشۇلىدۇ. قوشۇمچىنىڭ بېشىدىكى «ق» تاۋۇشى سۆز ئاخىرىدا كەلگەن «غ» تاۋۇشنى تەتۈر ئاسسىملاتسىيە قىلىپ ئۆزىگە ئوخشتىۋالىدۇ-دە، تەلەپپۇزدا «غ» تاۋۇشى «ق» غا نۆۋەتلىشىدۇ، ئەمما ئىملادا ئەكس ئەتتۈرۈلمەيدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملا تەلەپپۇزى

  • باغ − باغقا باققا

  • تاغ − تاغقىچە تاققىچە

غاپ

  • غاپ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنى ئالدىراپ ھەممىنى بىراقلا ئاغزىغا سېلىش ياكى چىشلەش ھالىتى؛ كاپ:[مىسال:] غاپ ئەتمەك.

غاپشىماق

  • غاپشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھاۋشىماق.

غاپ-غۇپ

  • غاپ-غۇپ[يەشمىسى:] «غاپ» قىلغان ۋە شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

غاپىل

  • غاپىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشقا، ھادىسىگە، مەسىلىگە قارىتا بىغەملىك، سۇسلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان؛ غەپلەتتە قالغان، غەپلەت باسقان:[مىسال:] غاپىل بولماق. * چۈشسە گەر ئاسمان گۈمۈرۈلۈپ، غەم يېمەس غاپىل كىشى، ھەمنەپەس بولغاي كۈرەشتە، ئەل بىلەن ئاقىل كىشى.[يەشمىسى:] ② بىخەۋەر، خەۋەرسىز:[مىسال:] مەن پەلەكنىڭ ئويۇنلىرىدىن غاپىل ئىكەنمەن.

غاپىللىق

  • غاپىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غاپىل ھالەت، سۇسلۇق، خەۋەرسىزلىك:[مىسال:] غاپىللىق ئىچىدە قايمۇقۇپ يۈرگىنىمدە، مەشئەل بولۇپ ماڭا توغرا يولنى كۆرسەتكەن ئاشۇ قەيسەر-ياخشى ئادەمنى چەكسىز سېغىنىش بىلەن يادلايمەن.

غاجاتماق

  • غاجاتماق[يەشمىسى:] «غاجىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلار قويلىرىغا كۆچەتلەرنى غاجىتىۋېتىپتۇ.

غاجاشماق

  • غاجاشماق[يەشمىسى:] «غاجىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سەككىز-ئون بالا قوللىرىدىكى توڭ سويمىلىرىنى غاجىشىپ، بىخۈدۇك ئويناشماقتا ئىدى.

غاجالماق

  • غاجالماق[يەشمىسى:] «غاجىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ دەرەخنىڭ قوۋزىقى غاجىلىپ يالىڭاچلىنىپلا قالغانىدى.

غاجىغۇچى

  • غاجىغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم نەرسىلەرنى چىشى بىلەن غاجايدىغان، ئۇپرىتىدىغان، نابۇت قىلىدىغان:[مىسال:] غاجىغۇچى ھايۋانلار.

غاجىغۇچىلار

  • غاجىغۇچىلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىر خىلى. كۈرەك چىشىنىڭ يىلتىزى يوق بولسىمۇ، ئۆمۈر بويى ئۆسۈپ تۇرىدۇ. قوزۇق چىشى بولمايدۇ، كۆپىيىش ئىقتىدارى يۇقىرى، ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئارىلاش ئوزۇقلىنىدۇ. مەسىلەن، چاشقان قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

غاجىماق

  • غاجىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قاتتىق نەرسىلەرنى چىشى بىلەن قىرماق، ئۇپراتماق، ئۇۋاتماق، ئاجراتماق:[مىسال:] كونا ئۇستىخاننى ئىت غاجىماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئارقىسىدىن تىللىماق، غەيۋەت قىلماق، كەينىدىن گەپ تاپماق:[مىسال:] مېنىڭچە غۇلامنى غاجاۋەرگەندىن پايدا چىقمايدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە، ئۇنىڭ سۈتىنى باشقا قاچىغا ئېلىپ قويۇپ، باشقىلارنىڭ سۈتىنى بېرىۋەرسەك.

غاچ

  • غاچ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] كونا ئىشىك، كۆتەك ھارۋا قاتارلىقلارنى ھەرىكەتلەندۈرگەندە چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] ھۈسەينەمنىڭ گېپى تۈگە-تۈگىمەي، ھۇجرىنىڭ ئىشىكى «غاچ» قىلىپ ئېچىلىپ، ئۆيگە بىر تۆگىچى كىرىپ كەلدى.

غاچچىدە

  • غاچچىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① «غاچ» قىلغان ھالدا «غاچ» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ:[مىسال:] شۇنداق دەسسىۋىدى، غاچچىدە ئېزىلدى.[يەشمىسى:] ② ناھايىتى تېز، بىردىنلا:[مىسال:] شۇ ئاندا بىر يىگىت ئوڭ قولىنىڭ بىگىز بارمىقىنى غاچچىدە چىشلەپ ئۈزۈۋالدى-دە، ئوت يالقۇنى يورۇتقان تۈرمە تېمىغا قان بىلەن خەت يېزىشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ③ پۈتۈنلەي، تەلتۆكۈس:[مىسال:] ھاۋا ناھايىتى سوغۇق بىرچاغ ئىدى، دەريا بويىغا بارسام دەريا غاچچىدە توڭلاپ كېتىپتۇ.

غاچ-غاچ

  • غاچ-غاچ[يەشمىسى:] «غاچ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇ ماڭغان چاغدا يېڭى كىيگەن شىبلىتىدىن «غاچ-غاچ» قىلىپ ئاۋاز چىقاتتى.

غاچ-غۇچ

  • غاچ-غۇچ[يەشمىسى:] ① «غاچ» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] ئۇنىڭ مايلانغان ئۆتۈكىنىڭ «غاچ-غۇچ» ى ئاڭلاندى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىردەمدىلا، ناھايىتى تېز:[مىسال:] بىردەم ئولتۇرسىلا، «غاچ-غۇچ» تاماق قىلاي.

غاچىر

  • غاچىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قار ئۈستىدە ماڭغاندا ياكى چەم ئىچىگە قىل قويۇپ تىكىلگەن ئاياغ كىيىمىنى كىيىپ ماڭغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

غاچىر-غۇچۇر

  • غاچىر-غۇچۇر[يەشمىسى:] «غاچىر» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] ئابابەكرى ۋە رەيھانەمنىڭ ئاياغ ئاستىدىن چىقىۋاتقان «غاچىر-غۇچۇر» ئاۋازلار ياڭراق مۇزىكىدەك جاراڭلايتتى.

غاچىرلاتماق

  • غاچىرلاتماق[يەشمىسى:] «غاچىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غاچىرلاشماق

  • غاچىرلاشماق[يەشمىسى:] «غاچىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غاچىرلىماق

  • غاچىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غاچىر» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «غاچىر» قىلماق.

غاچىلداتماق

  • غاچىلداتماق[يەشمىسى:] «غاچىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سادىق ئۇششاق تاش-شېغىللارنى غاچىلدىتىپ دەسسەپ، بىر خىل قەدەم تاشلاپ كەلمەكتە.

غاچىلداشماق

  • غاچىلداشماق[يەشمىسى:] «غاچىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غاچىلدىماق

  • غاچىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غاچ-غاچ» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «غاچ-غاچ» قىلماق:[مىسال:] ئاينىڭ يۈزىنى قوغۇشۇن رەڭ تۈتەك قاپلىۋالغان بولۇپ، ئاياغ ئاستىدا غاچىلداپ تۇرغان ئاپئاق قاردىن باشقا ھېچنېمىنى پەرق قىلىپ بولمايتتى.

غادايتماق

  • غادايتماق[يەشمىسى:] «غادايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن كەلگەچكە ئۆيۈڭگە، ئېچىنغاچقا كۈنۈڭگە، تېجەپ تۇتۇپ ئۆيۈڭنى، غادايتتىممۇ بوينۇڭنى

غادايماق

  • غادايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قەددىنى رۇسلاپ، بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، گەۋدىسىنى ئارقىغا تاشلاپ تۇرماق:[مىسال:] ئانچە غادىيىۋالماي ئەركىنرەك ئولتۇرمامسەن، دېدى ئۇ بالىسىغا.[يەشمىسى:] ② ئۆزىنى چوڭ تۇتماق، سالاپەتلىك كۆرسەتمەك:[مىسال:] كونىلاردا «ئېگىلگەنگە ئېگىل بېشىڭ يەرگە تەگكىچە، غادايغانغا غاداي بېشىڭ كۆككە يەتكىچە» دېگەن گەپ بار.

غادىر-سۇكۇر

  • غادىر-سۇكۇر [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاختۇرۇش.

غادىيىشماق

  • غادىيىشماق[يەشمىسى:] «غادايماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار شەھەردىن چىقىپ خېلى كۈنلەرگىچە كىشىلەرگە ئانچە ئارىلاشماي، ئوشۇق-تۆشۈك گەپمۇ قىلماي غادىيىشىپ يۈردى.

غارⅠ

  • غارⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئېغىز چايقىغان، ماتور ئوت ئالغان چاغدا چىققان ئاۋاز:[مىسال:] موتسىكلىت «غار» قىلىپ يۈرۈپ كەتتى.

غارⅡ

  • غارⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] تاغلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا تەبىئىي شەكىللەنگەن چوڭ ھەجىمدىكى بوشلۇق، ئۆڭكۈر:[مىسال:] پادىشاھمۇ ئاتتىن چۈشۈپ، كېيىكنىڭ ئارقىسىدىن غارغا كىرىپتۇ.

غاراس

  • غاراس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ياغاچ ۋە شۇ قاتارلىق چۈرۈك نەرسىلەر سۇندۇرۇلغاندا چىققان ئاۋاز:[مىسال:] ئۇ ئىككىنچى پۇتىنىمۇ غول شاختىن ئېلىشىغا، دەسسەپ تۇرغان شاخ «غاراس» قىلىپ قالدى.

غاراسسىدە

  • غاراسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «غاراس» قىلغان ھالدا، «غاراس» قىلىپ:[مىسال:] ئۇ دەسسەپ تۇرغان شاخ غاراسسىدە سۇنۇپ كەتتى-دە، موللاق ئېتىپ يەرگە چۈشتى.

غاراس-غۇرۇس

  • غاراس-غۇرۇس[يەشمىسى:] «غاراس» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] بىردىنلا ئۆينىڭ لىمى «غاراس-غۇرۇس» قىلىپ سۇنۇپ كەتتى.

غاراسلاتماق

  • غاراسلاتماق[يەشمىسى:] «غاراسلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئوق ئاۋازى بىلەن تەڭ، دەريادا مۇزلار غاراسلاپ سۇنغاندەك بولدى.

غاراسلىماق

  • غاراسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غاراس» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «غاراس» قىلماق:[مىسال:] دەسلەپ ئۆگزە غاراسلىدى، كېيىن بىراۋنىڭ ئىلدام ماڭغىنى ئاڭلاندى.

غاراڭ-غۇرۇڭ

  • غاراڭ-غۇرۇڭ[يەشمىسى:] سۆزلىگەندە چىقىرىدىغان بىر خىل غەيرىي نورمال، سەل بۇزۇلغان ئاۋاز:[مىسال:] ئازنىخان، دەپ گەپ باشلىدى پاسار قولاشمىغان غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازى بىلەن.

غاراڭلىماق

  • غاراڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غاراڭ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «غاراڭ» قىلماق:[مىسال:] سەمەت ئالدىرىماي سۆزلىگىنى بىلەن ئۈنى غاراڭلاپ چىقاتتى.

غارال

  • غارال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قوتاننىڭ شادىلىق ياغاچ ئىشىكى، قاشا.

غارام

  • غارام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تېپىش ئۈچۈن خامانغا يىغىلغان بۇغداي ئۆنچىسى:[مىسال:] غارام چىقارماق. * ئېتىز-خامانلىرىڭ باقسام، يۈرەك ئوينايدۇ شادلىقتىن، بۇلۇت سۆيگەن غاراملار مول-باياشاتلىق ئاتا ئەيلەر.[يەشمىسى:] ② توپ، غۇژمەك:[مىسال:] كەپتەرلەر، تۇرۇلغا-پاختەكلەر، قۇشقاچلار، قارىلىغاچلار... كوۋۇكلاردىن، غارام دەرەخلىكتىن، ئۇۋىلاردىن ئايرىلىپ، ۋىچىرلاشقان پېتى خىل-خىلى، توپ-توپى بىلەن كۆككە ئۆرلەيتتى-دە، نەگىدۇر پەرۋاز قىلىشاتتى.

غارايىپ

  • غارايىپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدىغان، كىشىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغايدىغان، غەلىتە، ئاجايىپ، غەيرىي، باشقىچە:[مىسال:] سىلىنىڭ ئېيتقانلىرى كونا زاماننىڭ ئاجايىپ بىر ھېكايىسى بولسا، ئەمدى مېنىڭ ئېيتىدىغىنىم يېڭى زاماننىڭ غارايىپ بىر ھېكايىسى، -دېدى شوپۇر.

غارت

  • غارت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ھەرە تارتقاندا ياكى بىرنەرسىنى بىرنەرسىگە سۈركىگەندە چىققان ئاۋاز:[مىسال:] غارت قىلماق. * ئۇلار ئۆزى چېلىۋاتقان پەدىنىڭ، ئېيتىۋاتقان ناخشىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەمدىكىن تاڭ، بىرى «غىت» قىلسا بىرى «غارت» قىلىپ، تىڭشىغۇچىنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرىدىكەن.

غارتتىدە

  • غارتتىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «غارت» قىلغان ھالدا، «غارت»قىلىپ:[مىسال:] ئىشىك غارتتىدە ئېچىلىپ، ئالىم كىرىپ كەلدى.

غارت-غارت

  • غارت-غارت[يەشمىسى:] «غارت» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ھويلىدىن «غارت-غارت» قىلغان ھەرە ئاۋازى ئاڭلاندى.

غارت-غۇرت

  • غارت-غۇرت[يەشمىسى:] «غارت» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] باغدىن غارت-غۇرت ھەرە ئاۋازى، تاڭ-تۇڭ پالتا ئاۋازى كېلىشكە باشلىدى.

غارتىلداتماق

  • غارتىلداتماق[يەشمىسى:] «غارتىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غارتىلدىماق

  • غارتىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غارت-غارت» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «غارت-غارت» قىلماق:[مىسال:] ماشىنا ماتورى بىر-ئىككى غارتىلداپ ئاخىرى ئۆچۈپ قالدى.

غاررىدە

  • غاررىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «غار» قىلغان ھالدا، «غار» قىلىپ:[مىسال:] ئايروپىلان غاررىدە ئۇچۇپ ئۆتۈپ، كۆزدىن غايىب بولدى.

غارس

  • غارس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] شاخ-شۇمبا، قۇرۇق ياغاچ قاتارلىق نەرسىلەر سۇنغاندا چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] غارس قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، ئۇ ئېسىلىپ تۇرغان ئىنچىكە شاخ سۇنۇپ كەتتى.

غارسسىدە

  • غارسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «غارس» قىلغان ھالدا، «غارس» قىلىپ:[مىسال:] ئۇ ئاچچىقىدا قولىدىكى قەلەمنى غارسسىدە سۇندۇرىۋەتتى.

غارس-غۇرس

  • غارس-غۇرس[يەشمىسى:] «غارس» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] شاخلار سۇنۇپ غارس-غۇرس، -ئوتتا كۆيدى پارس-پۇرس.

غارسىلداتماق

  • غارسىلداتماق[يەشمىسى:] «غارسىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆگزىنىڭ ئۈستىنى غارسىلدىتىپ ئۇ ياقتىن-بۇ ياققا ماڭىدىغان ئاۋاز بىر كېچىسى توختاپ قالدى.

غارسىلدىماق

  • غارسىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غارس-غارس» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «غارس-غارس» قىلماق:[مىسال:] سۇنغان دەرەخنىڭ غارسىلدىغان ئاۋازى كېچە جىمجىتلىقىدا يىراقلارغا ئاڭلىناتتى.

غار-غارⅠ

  • غار-غارⅠ[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كامفارا ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ.[يەشمىسى:] ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ، يوپۇرمىقىنى پۇراقلىق ماتېرىيال ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

غار-غارⅡ

  • غار-غارⅡ[يەشمىسى:] «غارⅠ»سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇ ئېغىزىنى غار-غار قىلىپ چايقىماقتا.

غارغالتا

  • غارغالتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قولۋاق ياكى كېمە توختىتىدىغان ئورۇن؛ پورت.

غار-غۇر

  • غار-غۇر[يەشمىسى:] «غار» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] تالادا ئىتلارنىڭ غار-غۇر قىلىپ تالاشقان ئاۋازلىرى ئاڭلاندى.

غارقىراتماق

  • غارقىراتماق[يەشمىسى:] «غارقىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىزنىڭ ساقچى قوشۇنىمىز موتسىكلىتلارنى غارقىرىتىپ ھەيۋەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

غارقىراشماق

  • غارقىراشماق[يەشمىسى:] «غارقىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غارقىرىماق

  • غارقىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غار-غار» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «غار-غار» قىلماق:[مىسال:] ئەتراپنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ غارقىراپ كەلگەن ئايروپىلان بېشىمىزدىلا ئەگىپ ئۆتۈپ ئايرودرومغا ئاستا قوندى.

غارىقۇن

  • غارىقۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] دەرەخ مەرىزىنىڭ بىر تۈرى، يەنى پارازىت ياشايدىغان بىر خىل زەمبۇرۇغ. كۆپىنچە يوپۇرماق تاشلايدىغان قارىغاي غولىدا بولىدۇ، سىرتى قاتتىق ۋە سىلىق، رەڭگى ئاقۇچ كۈل رەڭ ياكى سۇس سارغۇچ قوڭۇر، شەكلى تاقىسىمان كېلىدۇ. تېبابەتچىلىكتە دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، ئۆپكىنى ئىسسىتىپ بەلغەمنى بوشىتىش، يەلنى ھەيدەش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش ۋە يىلاننىڭ زەھىرىنى قايتۇرۇش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە.

غارىلداتماق

  • غارىلداتماق[يەشمىسى:] «غارىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەزىزىخان تىكىش ماشىنىسىنى بىردە ئۇزاق، بىردە ئۈزۈك-ئۈزۈك غارىلدىتىپ ئىش قىلىۋاتاتتى.

غارىلداشماق

  • غارىلداشماق[يەشمىسى:] «غارىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كېچىچە ئىتلار غارىلدىشىپ، مۈشۈكلەر مىياڭلىشىپ چىقتى.

غارىلدىماق

  • غارىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غار-غار» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «غار-غار» قىلماق:[مىسال:] يېزا يوللىرىدا ئاپتوموبىل، تراكتورلار غارىلداپ، توختىماي ئۆتۈپ تۇرىدۇ.

غاز

  • غاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىرخىل قۇش. پەي-تۈكلىرى ئاق ياكى كۈل رەڭ، پېشانىسىدە توق سېرىق ياكى قارا قوڭۇر رەڭدە گۆشلۈك ئۆسمىسى بار، ئەركىكىنىڭ بۇ خىل ئۆسمىسى چوڭراق، بوينى ئۇزۇن، تۇمشۇقى ياپىلاق ۋە كەڭ. پۇتىدا پەنجىسى بولىدۇ، سۇ ئۈزەلەيدۇ. ئاشلىق دانلىرى، كۆكتات ۋە راك قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.

غازات

  • غازات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىن يولىدا قىلىنغان ئۇرۇش، جەڭ:[مىسال:] غازات قىلماق.

غازاڭ

  • غازاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۈز پەسلىدە سارغىيىپ بەرگىدىن ئاجراپ چۈشكەن يوپۇرمىقى.

غازاڭلىق

  • غازاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غازاڭ بار، غازاڭ كۆپ چۈشكەن يەر:[مىسال:] راۋابىڭنى كۈرەش مۇقامىغا سازلىمىساڭ، كونا مۇقامىڭ دوستۇم قۇلاققا خۇشياقماس. باغ ياساپ گۈللەر تېرىپ ياشناتمىساڭ، غازاڭلىققا بۇلبۇللار قانات قاقماس.

غازتاپان

  • غازتاپان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]غاز+تاپان[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئازغان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن تېنى قىسقا تۈكچىلەر بىلەن قاپلانغان، يىلتىزى تىك ۋە ياغاچلاشقان. غولى كۆپ شاخلايدۇ، تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقى ئالىقانسىمان يېرىلىدۇ. غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرى ئازراق بولۇپ، ئارقا تەرىپىدە تىۋىتلىرى بولىدۇ. گۈلى سېرىق. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش، قاننى توختىتىش رولىغا ئىگە.

غازتاپان ئېرەن

  • غازتاپان ئېرەن[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زەرەڭ ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ياغىچىدىن ئۆي جابدۇقلىرى ياسىلىدۇ.

غازقانات

  • غازقانات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]غاز+قانات[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] غازقانات ئوت.

غازقانات ئوت

  • غازقانات ئوت[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چۇقا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.

غازئوت

  • غازئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]غاز+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، گۈلى كىچىك ۋە سېرىق. غولى ۋە يوپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ، قاننى توختىتىش رولىغا ئىگە.

غازىي

  • غازىي[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] غازاتقا، مۇقەددەس ئۇرۇشقا قاتناشقۇچى، ئۆز ئەقىدىسى، ئېتىقادى يولىدا جەڭ قىلغۇچى:[مىسال:] غازاتتا ئۆلگەنلەر شېھىت، تىرىك قالغانلار غازىي بولىدۇ. نازىمجاننىڭ غازىي بولماقلىقى دۇئالىرىنىڭ بەرىكىتى، دېدى ئۇ.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

غازىيانە

  • غازىيانە[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] غازىيلارغا ئوخشاش، غازىيلارچە:[مىسال:] تىرىش، يۈكسەل، يولۇڭ پارلاق ھېلىھەم غازىيانە بول، بېشىڭنى سىلىغاي ھەردەم، زامانەم شەپقىتى ئاقسۇ.

غازيېمەس

  • غازيېمەس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]غاز+يېمەس[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى ئىنچىكە ۋە ئاجىز، يوپۇرماقلىرى كىچىك ۋە تەتۈر تۇخۇمسىمان بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ ۋە شارسىمان بولۇپ، باشسىمان گۈل رېتىدە كېلىدۇ، كۈزدە ئېچىلىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ، دېمىغى پۈتۈش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، كۆزى چاپاقلىشىش قاتارلىقلارنى داۋالاشتا شىپالىق رولى بار.

غاژ

  • غاژ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] رادىئو، ئۈنئالغۇ قاتارلىقلار كونىراپ قالغان چاغدا چىققان ئاۋاز ياكى نەپەس يولى ياللۇغى بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ نەپەس ئالغاندا چىقىدىغان ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋازلار:[مىسال:] رادىئو غاژ، غاژلا قىلىدۇ، نېمە بولغاندۇ؟

غاژ-غاژ

  • غاژ-غاژ[يەشمىسى:] «غاژ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

غاژ-غۇژ

  • غاژ-غۇژ[يەشمىسى:] ① «غاژ» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] بالام ئاكاڭنى چاقىرە، رادىئو غاژ-غۇژلا قىلىدۇ، ئېنىقراق بىر نەرسە ئاڭلىغىلى بولمايدۇ، قاراپ باقسۇن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چاپ-چاپ، تازا قىزىغان (بازار ھەققىدە):[مىسال:] كۇلۇب ئالدى بىردەمدىلا غاژ-غۇژ بازارغا تولدى.[يەشمىسى:] ③ ئۈنلۈك توۋلاپ جېدەللىشىش:[مىسال:] نېمە بۇ، ئىككى كۈندە بىر غاژ-غۇژ، ئادەمنى بىزار قىلدىغۇ بۇلار.

غاژ-غۇژلاشماق

  • غاژ-غۇژلاشماق[يەشمىسى:] ئۇزۇشۇپ قالماق، تىللىشىپ قالماق، ۋارقىرىشىپ قالماق:[مىسال:] ئۇ بىر قېتىم بىز بىلەن غاژ-غۇژلىشىپ قالغانىدى.

غاژىلداتماق

  • غاژىلداتماق[يەشمىسى:] «غاژىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غاژىلداشماق

  • غاژىلداشماق[يەشمىسى:] ① «غاژىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جېدەللىشىپ ئۇرۇشۇپ قالماق:[مىسال:] ئاكا-ئۇكا ئىككىسى ئاسانلا غاژىلدىشىپ قالاتتى. شۇ كۈنى يەنە غاژىلداشقاندا، ئاكىسى ئاچچىقىغا پايلىماي ئۇكىسىنى بىر تەستەك سالدى.

غاژىلدىماق

  • غاژىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غاژ-غۇژ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «غاژ-غۇژ» قىلماق.

غاس

  • غاس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قىش كۈنلىرى يول ماڭغاندا ئاياغ ئاستىدىن چىقىدىغان ئاۋاز.

غاسسىدە

  • غاسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «غاس» قىلغان ھالدا، «غاس» قىلىپ.

غاس-غاس

  • غاس-غاس[يەشمىسى:] «غاس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

غاس-غۇس

  • غاس-غۇس[يەشمىسى:] «غاس» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

غاسىلدىماق

  • غاسىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غاس» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «غاس» قىلماق.

غاشⅠ

  • غاشⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چەكسىز كەتكەن، كۆز يەتكۈسىز، ساپلا:[مىسال:] غاش چۆل.

غاشⅡ

  • غاشⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سەۋزە، تۇرۇپ، چامغۇر قاتارلىقلارنىڭ پىشىپ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ھالىتى؛ قېرى، قاتتىق.

غاغىرا

  • غاغىرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۈزۈلگەن مەشۈتلەرنى ماشپىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان كىچىك غالتەك.

غاق

  • غاق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] غاز، ئۆردەك قاتارلىقلار سايرىغاندا چىققان ئاۋاز:[مىسال:] ئەتىياز كۈنلىرى غاز-ئۆردەكلەر غاق، غاق قىلىشىپ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇچىشىدۇ.

غاق-غاق

  • غاق-غاق[يەشمىسى:] «غاق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۆردەكلەر «غاق-غاق» قىلىشىپ، كۆلدە ئۈزۈپ يۈرۈشەتتى.

غاق-غۇق

  • غاق-غۇق[يەشمىسى:] «غاق» قىلغان ھالدا، «غاق» قىلىپ:[مىسال:] كۆلدىكى ئۆردەكلەر بىرنەرسىدىن ئۈركۈگەندەك غاق-غۇق قىلىشىپ ئۇچۇپ كەتتى.

غاقىلداتماق

  • غاقىلداتماق[يەشمىسى:] «غاقىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غاقىلداشماق

  • غاقىلداشماق[يەشمىسى:] «غاقىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەدھەم بىر كۈنى ئۆز ماكانىدا تائەت-ئىبادەت قىلىپ ئولتۇراتتى. ھاۋادا بىرمۇنچە غازلار غاقىلدىشىپ ئۇچۇپ كەلدى.

غاقىلدىماق

  • غاقىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غاق-غاق» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «غاق-غاق» قىلماق:[مىسال:] ئۇلارنىڭ كۆزى ئەمدىلا ئۇيقۇغا كېتىۋىدى، ھويلىدا غاز غاقىلداپ كەتتى.

غاڭزا

  • غاڭزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاماكا چېكىشتە ئىشلىتىدىغان ئەسۋاب. كۆپىنچە مىس، قاتتىق ياغاچ ياكى چاقچۇق قاتارلىقلاردىن ياسىلىدۇ. باش قىسمىغا تاماكا قاچىلىنىپ، يەنە بىر ئۇچىدىن شورىلىدۇ.

غاڭزىلىق

  • غاڭزىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غاڭزىسى بار، غاڭزا ئېسىۋالغان.

غاڭشىماق

  • غاڭشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غاڭ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «غاڭ» قىلماق:[مىسال:] كۈچۈكنىڭ پۇتىغا ئوتنى تەگكۈزسەك، ئۇ ئۆگەنمەي تۇرۇپمۇ پۇتىنى تارتىۋېلىپ غاڭشىپ قاچىدۇ.

غال

  • غال[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] تىترىگەندە ئادەمنىڭ سەزگۈسىدە پەيدا بولىدىغان بىرخىل ھالەت.

غالتەك

  • غالتەك[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىپ، سىم، لېنتا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئوراش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ئىككى تەرىپى كەڭ، ئوتتۇرىسى تار، ئىچى نوركەش چاقسىمان بۇيۇم:[مىسال:] يىپ غالتىكى. فوتو سۈرەت لېنتىسىنىڭ غالتىكى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ يىپ، سىم قاتارلىقلارنىڭ ئورىلىش مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر غالتەك يىپ. ئۈچ غالتەك سىم.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھارۋا ياكى بىرەر مېخانىزمنىڭ يۈرۈشى، ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئوققا ئورنىتىلىدىغان ۋە ئايلىنىدىغان يۇمىلاق قىسمى، چاقى:[مىسال:] غالتەك ئورنىتىلغان ھارۋا. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>قىز<[يەشمىسى:] چۆرىسىدە ئېرىقچىسى بولغان چاقلارنى مېتال ياكى ياغاچتىن قۇرۇلغان جاھازغا ئورنىتىش ئارقىلىق ياسالغان ھەمدە ئارقان، تاسما ياكى زەنجىر ياردىمىدە ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش ۋە سىلجىتىش رولىنى ئوينايدىغان بىر خىل ئاددىي مېخانىزم.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېلېكتر تېخنىكىسى ۋە رادىئو تېخنىكىلىرىدا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان سىم ئورامى؛ كاتۇشكا:[مىسال:] ئوراملىق غالتەك.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ياكى تۆت چاق بېكىتىلىدىغان ھەمدە قول بىلەن ئىتتىرىپ نەرسىلەرنى توشۇيدىغان كىچىك ياغاچ ھارۋا:[مىسال:] «چېقىل ساي» ئىچىدە بولسا ھەقىقىي نەچچە يۈزلىگەن ئەر-ئايال ئەزالار غالتەك، ئەپكەش، زەمبىللەر بىلەن بەس-بەستە توپا توشۇپ دامبىنى ئېگىزلىتىۋاتاتتى.

غالتەكچى

  • غالتەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غالتەك ھارۋىغا ھەر خىل نەرسىلەرنى سېلىپ سۆرەپ يۈرۈپ ساتىدىغان كىشى، تىجارەتچى:[مىسال:] قەلىمىمنىڭ ناچارلىقىدىن غالتەكچىلەرنىڭ تىلىغا ئوخشاش قوپال تىل بىلەن يازغانلىقىمنى ئويلاپ، بۇ ئەسىرىمنى ئۇلۇغ نام بىلەن ئاتاشقا پېتىنالمىدىم.

غالتەكلىك

  • غالتەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غالتىكى بار، غالتەك ئورنىتىلغان:[مىسال:] غالتەكلىك يەشىك ئۈستىدىكى «زەمبىرەك» ئىستوۋۇلى كۈمۈشتەك پاقىراپ تۇراتتى.

غالجاق

  • غالجاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چىشى كېيىك.

غالجىر

  • غالجىر[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل. بۇنى بىر خىل ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپىنچە ئىت، مۈشۈك قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىدا ياكى بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىت، مۈشۈكلەر چىشلىۋالغان ئادەملەردە بولىدۇ. ئادەملەرگە شۇ ھايۋانلار چىشلىگەندىن كېيىن يۇقىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان:[مىسال:] غالجىر ئىت چىشىدىن زەھەر تامىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەسەبىيلەشكەن ۋەھشىي، ياۋۇز، قەبىھ:[مىسال:] ئايالىمنىڭ خەۋەر تېپىشىچە، مەن يىقىلغاندىن كېيىن، ئۆلمەك ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك، ھېلىقى غالجىر چېرىك بىر نەچچىنى تېپىپتۇ. يەنە ئوتۇن بىلەن ئۇرۇپتۇ.

غالجىرانە

  • غالجىرانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] غالجىرلىق بىلەن غالجىرلارچە، ۋەھشىلەرچە:[مىسال:] ئۇلۇغ ئىنقىلابچىلار ھايات چاغدا، ئەزگۈچى سىنىپلار ئۇلارغا ھامان ئۈزلۈكسىز زىيانكەشلىك قىلىپ ئۇلارنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىك، ئەڭ غالجىرانە ئۆچمەنلىك، ئەڭ ئۇچىغا چىققان ئىغۋا ۋە تۆھمەتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتى.

غالجىرلارچە

  • غالجىرلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] غالجىرلىق بىلەن، ۋەھشىيلەرچە، غالجىرانە:[مىسال:] شۇ ئارىدا ئەمەت غالجىرلارچە سۇپىغا ئېتىلىپ چىقىپ ئىلىككە كالتەك ئۇرماقچى بولغانىدى، بىرى ئۇنىڭ كالتىكىنى ئۇرۇپ چۈشۈردى.

غالجىرلاشتۇرماق

  • غالجىرلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «غالجىرلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ نەرسىنى ئىت يېسە، ئىتنىمۇ غالجىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

غالجىرلاشماق

  • غالجىرلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غالجىرغا ئوخشاش ھالەتكە كەلمەك، ۋەھشىيلەشمەك:[مىسال:] دۈشمەنلەر غالجىرلىشىپ، قاماش چارىسىگە باش ئۇرۇۋاتقان چاغدا، ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرىغا تېخىمۇ زور ئىرادە بىلەن ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى.

غالجىرلىق

  • غالجىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەسەبىيلەشكەن ھالەت، ۋەھشىيلىك، ياۋۇزلۇق، قەبىھلىك:[مىسال:] بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ پادىشاھنىڭ غالجىرلىقى تۇتۇپتۇ قىلىچ بىلەن دىلئارامنى چېپىپتۇ.

غالچا

  • غالچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا (بايلار ياكى ئەمەلدارلارغا) خىزمەت قىلىدىغان كىشى؛ مالاي، چاكار؛ يالاقچى:[مىسال:] ھۇ پوقى يوغان نان قېپى مەن سېنىڭ بىركۈنى سۈيدۈكۈڭنى، بىركۈنى پوقۇڭنى تازىلايدىغان غالچىمىدىم

غالچەك

  • غالچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] غالچەك ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تىك، كۆپ شاخلىنىدۇ. يوپۇرمىقى تۆمۈنە شەكلىدە بولۇپ ئۇدۇل ئۆسىدۇ، سېپى يوق دېيەرلىك. گۈلى قىزغۇچ سۆسۈن، توپلىشىپ باشاقسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ. غوزا مېۋىسى سوقىچاقراق، ئۇرۇقى كۆپ ۋە بەك ئۇششاق بولىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ. تەمى سەل ئاچچىق، تەبىئىتى مۆتىدىل، زەھەرسىز، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش رولىغا ئىگە.

غالچىلىق

  • غالچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غالچىلارغا خاس ئادەت، قىلىق ۋە شۇنداق ھالەت:[مىسال:] مەن-زە، ھەرقايسىڭنىڭ غالچىلىقىنى قىلىدىكەنمەن-دە

غالداڭ

  • غالداڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئىككى يېنىغا ئىرغاڭلاپ، دەلدەڭشىش ھالىتى:[مىسال:] غالداڭ قىلىپ يىقىلماق. غالداڭ، غالداڭ قىلىپ ماڭماق.

غالداڭ-غالداڭ

  • غالداڭ-غالداڭ[يەشمىسى:] «غالداڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئەمدىلا ئايىغى چىققان ۋارىسجان غالداڭ-غالداڭ قىلىپ مېڭىپ كەتتى.

غالداڭ-غۇلدۇڭ

  • غالداڭ-غۇلدۇڭ[يەشمىسى:] «غالداڭ» قىلغان ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ھالەتلەر:[مىسال:] غالداڭ-غۇلدۇڭ ماڭماق. غالداڭ-غۇلدۇڭ قىلماي تىك تۇرماق.

غالداڭلاتماق

  • غالداڭلاتماق[يەشمىسى:] «غالداڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غالداڭلاشماق

  • غالداڭلاشماق[يەشمىسى:] «غالداڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غالداڭلىماق

  • غالداڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غالداڭ-غۇلدۇڭ» قىلماق، غالداڭشىماق، سەنتۈرۈلمەك، ئىرغاڭلىماق:[مىسال:] ئەلقەم ئىشىكنى بىرلا تېپىپ ئېچىپ، غالداڭلاپ ئۆيگە كىردى.

غالدىر

  • غالدىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] غالتەك ياكى رېزىنكە چاقلىق ھارۋا قاتارلىقلار چاقىنىڭ قاتتىق نەرسىلەرگە ئۇرۇلۇپ سىلكىنىشىدىن پەيدا بولغان ئاۋاز.

غالدىراڭ

  • غالدىراڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېگىز ئۆسۈپ قۇرۇپ قالغان، بورا توقۇيدىغان قومۇش.

غالدىر-غالدىر

  • غالدىر-غالدىر[يەشمىسى:] «غالدىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

غالدىر-غۇلدۇر

  • غالدىر-غۇلدۇر[يەشمىسى:] «غالدىر» قىلغان ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋازلار.

غال-غال

  • غال-غال[يەشمىسى:] ① غەزەپلىنىشتىن، قورقۇشتىن، سوغۇق زەربىسى قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان تىترەش ھالىتى:[مىسال:] قاتىل بولسا، ئۆزىنىڭ ئېتىنىمۇ ئېيتماي، غال-غال تىترەپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بوش، قۇرۇق:[مىسال:] تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال (ماقال).

غالغۇي

  • غالغۇي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تەرسا، سەپرا، ئەڭگىز، كاج.

غالمۇس-غۇلمۇس

  • غالمۇس-غۇلمۇس [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] شالاپ-شۇلۇپ.

غالىب

  • غالىب[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇرۇش، جەڭ، كۈرەش، مۇسابىقە قاتارلىقلاردا غەلىبە قازانغان، ئۈستۈن چىققان، يەڭگەن؛ يېڭىلمەس:[مىسال:] غالىب بولماق. غالىب كەلمەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] غەلىبە قىلغۇچى، غەلىبە قازانغۇچى، ئۈستۈنلۈكتە تۇرغۇچى:[مىسال:] [مىسال:] باھار غالىب، جۇدۇن بولسا ئۆتكۈنچى. غالىبلار گوياكى يالقۇنلۇق گۈلخان، ھەر ئادەم چوغ ياكى ئالتۇن ئۇچقۇندى.[يەشمىسى:] ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

غالىبانە

  • غالىبانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] غالىبلارغا خاس، غالىبلىق بىلەن:[مىسال:] شوپۇر ئاۋازىنى بولۇشىچە قويۇۋېتىپ غالىبانە كۈلدى.

غالىبلارچە

  • غالىبلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] غالىبلارغا خاس ھالدا، غالىبانە قىياپەتتە، غالىبلىق بىلەن:[مىسال:] ئۇ مەيداندا ئىككى قولىنى كەينىگە تۇتۇپ، غالىبلارچە مېڭىپ يۈرەتتى.

غالىبلىق

  • غالىبلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غالىب كەلگەنلىك، غالىب بولغانلىق، غەلىبە:[مىسال:] مەھەللىمىزنىڭ بالىلىرى چېلىش قىلسا غالىبلىقنى ئۇ ھېچكىمگە بەرمەيتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غالىب كېلىدىغان، يېڭىلمەس:[مىسال:] ئۇنىڭ بىلەن ئوينىشىدىغان بىكار تەلەپلەر ئۇنىڭ روھىي جەھەتتىكى غالىبلىق مىجەزىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك بىلىۋالغانىدى.

غالىبىيەت

  • غالىبىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يېڭىش، ئۈستۈنلۈك، غەلىبە:[مىسال:] دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنىڭ خەلق دېموكراتىيە ھوقۇقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىدە خەلقىمىزنىڭ غالىبىيەت مېۋىلىرى قانۇن شەكلى ئارقىلىق قەيت قىلىنغان.

غالىبىيەتلىك

  • غالىبىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غالىبىيەت قازانغان، غالىبىيەتكە ئېرىشكەن.

غالىس

  • غالىس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۈستۈن، كۈچلۈك؛ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان، قاتتىق، قالتىس:[مىسال:] كۆلدە ئادەمدىن غالىس كېلىدىغان لوخا بېلىقلار بار.

غالىلداتماق

  • غالىلداتماق[يەشمىسى:] «غالىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غالىلداشماق

  • غالىلداشماق[يەشمىسى:] «غالىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ باتۇر جەڭچى، يوللىغان گۆرگە ئۇنى، نەيزە ئۇرۇپ. قالغىنى غالىلدىشىپ توشقان كەبى، تاشلاشقان قورالىنى تەسلىم بولۇپ.

غالىلدىماق

  • غالىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غال-غال» قىلىپ تەۋرەنمەك، «غال-غال» قىلماق:[مىسال:] قىزنىڭ قوللىرى غالىلداپ تىترىدى. * ئۇ بۇ گەپنى پىچىرلاپ ئېيتقاندا، پۈتۈن بەدىنى غالىلدايتتى.

غانجۇغا

  • غانجۇغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسە-كېرەكلەرنى تېڭىش ئۈچۈن ئېگەرنىڭ ئارقا ئىككى تەرىپىگە بېكىتىلىدىغان تاسما ياكى تانا:[مىسال:] ئۇ كۈمۈش ئۈزەڭگىگە پۇتىنى چىڭ تىرەپ ئات ئۈستىدە مىختەك ئولتۇراتتى. ئېتىنىڭ غانجۇغىسىدا ھازىرلا ئوۋلانغان بىر تاغ تېكىسى باغلاقلىق تۇراتتى.

غانجۇغىدا كۆرۈشمەك

  • غانجۇغىدا كۆرۈشمەك[يەشمىسى:] ئاخىرى بىر كۈنى كۆرۈشمەك:[مىسال:] ھازىرغىچە گەپ سىلىنىڭ بولغاچ تۇرسۇن، كېيىنچە غانجۇغىدا كۆرۈشۈپ قالارمىز دېدى باراتئاخۇن.

غانجۇغىلاتماق

  • غانجۇغىلاتماق[يەشمىسى:] «غانجۇغىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غانجۇغىلاشماق

  • غانجۇغىلاشماق[يەشمىسى:] «غانجۇغىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غانجۇغىلانماق

  • غانجۇغىلانماق[يەشمىسى:] «غانجۇغىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] رۇستەم ئېگەرگە غانجۇغىلانغان خورجۇن، خالتىلارنى يەشتى.

غانجۇغىلىق

  • غانجۇغىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① غانجۇغىسى بار، غانجۇغا بېكىتىلگەن.[يەشمىسى:] ② غانجۇغا قىلىشقا بولىدىغان، غانجۇغىغا لايىق.

غانجۇغىلىماق

  • غانجۇغىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غانجۇغا بىلەن ئېگەرنىڭ ئارقىسىغا نەرسە-كېرەكلەرنى باغلىماق، تاڭماق:[مىسال:] گۈلەم سومكىسىنى غانجۇغىلىدى-دە، ئېتىنى قامچىلاپ توختاسىننىڭ ئۆيىگە قاراپ چاپتى.

غاۋۇر-غۇۋۇر

  • غاۋۇر-غۇۋۇر[يەشمىسى:] قالايمىقان ئاۋازلار، ۋاراڭ-چۇرۇڭ:[مىسال:] زۇللانىڭ بويۇن كۆپتۈرۈپ ۋارقىرىشى بىلەن غاۋۇر-غۇۋۇر بىرئاز بېسىققاندەك بولدى.

غايە

  • غايە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كەلگۈسى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر ياكى ئارزۇ، ئۈمىد، ئىستەك:[مىسال:] ئۇلۇغۋار غايە.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى قىلىش توغرىسىدىكى ئوي، نىيەت، مەقسەت:[مىسال:] ئۇنىڭ غايە ۋە بەخت قارىشىدىن كۆڭلۈم يورۇپ كەتكەندەك بولدى.

غايەت

  • غايەت[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھەددىدىن تاشقىرى، ناھايىتى، بەك، ئىنتايىن:[مىسال:] بۈگۈنكى كۈندە بىزگە ئازراق تەجرىبىنىڭمۇ غايەت زور يېتەكچىلىك رولى بولۇۋاتىدۇ.

غايلىماق

  • غايلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قېيىپ كەتمەك، چەتلىمەك.

غاينۇق

  • غاينۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كالا بىلەن قوتازنى چېتىشتۈرۈشتىن پەيدا بولغان كالا؛ ئارغۇن.

غايىب

  • غايىب[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كۆرۈنمەيدىغان، كۆز ئالدىدا بولمىغان، يوقىلىپ كەتكەن؛ مەۋجۇت ئەمەس:[مىسال:] غايىب بولماق. غايىب خەزىنە. بوۋاي بىرنەچچە چامدام مېڭىپلا، كۆزدىن غايىب بولدى.

غايىبانە

  • غايىبانە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۆزىنى كۆرمىگەن ياكى سۆھبەتلەشمىگەن ھالدا، سىرتتىن:[مىسال:] مۇھەببەتنىڭ سېھىرلىك كۈچى غايىبانە ھالدا ئۇنى ئەسىر ئەتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزىنى كۆرمىگەن، نامەلۇم:[مىسال:] قىزنىڭ كۆزى يەنە ئۇيقۇغا كېتىپ، چۈشىدە پەرمانقۇلنى كۆرۈپتۇ. شۇندىن كېيىن قىز بۇ غايىبانە يىگىتكە ئاشىق بولۇپ قاپتۇ.

غايىسىز

  • غايىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غايىسى يوق، غايىگە ئىگە بولمىغان:[مىسال:] غايىسىز ئادەم. * ھەرىگە بەرمەس ھەسەل. سۈنئىي چېچەك، قونسىمۇ بەرگىگە بولۇپ پايپېتەك. غايىسىز ئۆتكەن باھارىڭدىن چوقۇم، پىشمىغان قوغۇن بولۇپ كۈزدە خەمەك.

غايىلىك

  • غايىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غايىسى بار، غايىگە ئىگە:[مىسال:] غايىلىك ئادەم. * ياشلىرىمىزنى ۋە ئۆسمۈرلىرىمىزنى تىرىشىپ غايىلىك، ئەخلاقلىق، بىلىملىك ۋە ساغلام كىشىلەرگە ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.

غايىۋى

  • غايىۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مۇئەييەن بىر غايە، ئىدېئولوگىيىگە ئىگە؛ مۇئەييەن بىر غايە ئىدېئولوگىيىگە ئاساسلانغان:[مىسال:] غايىۋى شەخس. بالىلار باشتا ئۆز ھەرىكەتلىرىنى غايىۋى شەخسلەرنىڭ ھەرىكىتىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تەربىيىلىنىشىنى كۈچەيتىدۇ.[يەشمىسى:] ② يوشۇرۇن:[مىسال:] ئۇ غايىۋى كۈچىنىڭ مەدىتى بىلەن خىيالدىن قۇتۇلۇپ يوتقاننى تىكىشكە باشلىدى.

غايىۋىلەشتۈرمەك

  • غايىۋىلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «غايىۋىلەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غايىۋىلەشتۈرۈلمەك

  • غايىۋىلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «غايىۋىلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ئەقىل دۇنياسى بۇرژۇئازىيىنىڭ غايىۋىلەشتۈرۈلگەن دۇنياسىدىنلا ئىبارەت.

غايىۋىلەشمەك

  • غايىۋىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۇئەييەن بىر غايىگە ئىگە بولماق، مۇئەييەن بىر غايىنى شەكىللەندۈرمەك.

غايىۋىلىك

  • غايىۋىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① غايىگە ئىگىلىك.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بەدىئىي ئەسەرنىڭ غايىۋى يۆنىلىشى. ئۇ يازغۇچىنىڭ دۇنيا قارىشى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ ۋە ئەسەر مەزمۇنىنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ. يازغۇچىنىڭ غايىسى قانچىكى ئىلغار ۋە تەرەققىيپەرۋەر بولسا، ئۇنىڭ ئەسىرىدە ھايات شۇنچىلىك كەڭ، چوڭقۇر ھەمدە ھەققانىي ئىپادىلىنىدۇ، بەدىئىي ئەسەرنىڭ قىممىتىمۇ مۆلچەرلىگۈسىز ھالدا يۇقىرى باھالىنىدۇ.

غەپسە

  • غەپسە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بەك، ناھايىتى، ئەجەب.

غەپلەت

  • غەپلەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] خەۋەرسىزلىك، بىلمەسلىك؛ بىخەستەلىك، بىپەرۋالىق:[مىسال:] غاپىللىق؛ نادانلىق:[مىسال:] غەپلەت باسماق. غەپلەت ئۇيقۇسى.

غەپلەتلىك

  • غەپلەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غەپلەتتە قالغان، غەپلەت باسقان:[مىسال:] ئىلىنىڭ بويىدا كەلدىڭ ئالەمگە، ئىلىدەك دولقۇنلۇق بىر ئوغلان ئىدىڭ. ئاتىلار ئاھىدىن ۋەتەن، خەلقىڭگە، غەپلەتلىك ئۇيقۇدىن «تۇر، ئويغان» دېدىڭ.

غەجەپ

  • غەجەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] خەتكۈش.

غەچچەي

  • غەچچەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سۈتلۈكئوت.

غەر

  • غەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يامان نىيەتتىكى، يامان ئىش قىلىدىغان ئادەم؛ بۇزۇق، پاھىشە ئايال:[مىسال:] غەر غەرەزچى كېلەر. ئوغرى ئاسماقچى (ماقال).

غەرەز

  • غەرەز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىركىمگە قارشى يامان نىيەت، مەقسەت (سۆز-ھەرىكەت ھەققىدە):[مىسال:] ھىم، سېنىڭ غەرىزىڭ ماڭا ئايان.[يەشمىسى:] ② داۋلى، مەقسەت، گەپ:[مىسال:] سەنلەرگە ھال ئېيتىشقۇ ئۆلۈكتىن ئىمان سورىغاندەكلا بىر ئىش، ئىنسان بولغاندىن كېيىن غەرەز ئۇقار دەپتىمەن.

غەرەزچى

  • غەرەزچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يامان غەرەزدىكى ئادەم، غەرەزگۇي:[مىسال:] غەر غەرەزچى كېلەر، ئوغرى ئاسماقچى (ماقال).

غەرەزسىز

  • غەرەزسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يامان غەرىزى يوق، يامان غەرەز يوشۇرۇنمىغان:[مىسال:] غەرەزسىز ئادەم. ئۇنىڭ غەرەزسىز، ساپ مۇھەببەت ئوتى بىلەن چاقنىغان كۆزلىرى مېنىڭدە ھېسسىيات ئويغاتتى.

غەرەزگۇي

  • غەرەزگۇي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يامان غەرەزلىك ئادەم، غەرەزچى:[مىسال:] بىز توغرىمىزدا يامان مەقسەت بىلەن سىزگە چېقىمچىلىق قىلغان ئېغۋاگەر ۋە غەرەزگۇيلار بۇ مەجلىسكە كېلىشسۇن-دە، ئۆزلىرىنىڭ شۇملۇق كەشپىياتلىرىنى ۋە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى ئىسپات قىلىپ، بىزنى يېڭىۋاشتىن دار ئاستىغا ئەۋەتسۇن

غەرەزلىك

  • غەرەزلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يامان غەرىزى بار، يامان غەرەز يوشۇرۇنغان:[مىسال:] ھوشۇر ئەلەس بىر توپ ئادەمنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا غەرەزلىك ھالدا ئېڭىشىپ گۈلچىمەننىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى.

غەرب

  • غەرب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىنىڭ بىرى؛ شەرققە قارىمۇقارشى تەرەپ؛ كۈنپېتىش:[مىسال:] كۈن شەرقتىن چىقىپ، غەربتە ئولتۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ② غەربىي ياۋروپا، ياۋروپا ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى:[مىسال:] ھازىرقى غەرب تېبابىتى خەۋەرسىز تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن داۋالاش ئۇسۇللىرى ئۇيغۇر تېبابىتىدە مەۋجۇت.

غەربچە

  • غەربچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غەرب ئەللىرىگە خاس، غەرب ئەللىرىدە بولىدىغان:[مىسال:] غەربچە كىيىم.

غەربلەشتۈرمەك

  • غەربلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «غەربلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇنداق قىلغانلىق ھەرگىزمۇ تېباتچىلىكىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى «غەربلەشتۈرگەنلىك» بولمايدۇ.

غەربلەشمەك

  • غەربلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەدەنىيىتى، تۈزۈلمىسى ۋە شۇ قاتارلىقلار غەربلەرنىڭكىگە ئوخشاش بولماق، غەربنىڭكى ئەينەن كۆچۈرۈلۈپ ئىشلىتىلمەك:[مىسال:] پۈتۈنلەي غەربلىشىش دېگەن تەشەببۇس-خاتا نۇقتىئىنەزەر.

غەربلىك

  • غەربلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غەرب ئەللىرىدە ياشىغۇچى كىشى:[مىسال:] ئۇلار سىزنىڭ غەربلىك، يەنە كېلىپ، ئەمدىلا جەنۇبىي ئوكيان سەپىرىدىن قايتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى ئۇقۇپ، نېمىلا بولمىسۇن سىزنىڭ ھەمراھ بولۇپ بېرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

غەربىي

  • غەربىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] غەرب تەرەپكە جايلاشقان، غەرب تەرەپتىكى:[مىسال:] غەربىي جەنۇب. غەربىي شىمال.

غەربىي دىيار

  • غەربىي دىيار[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، ھازىرقى يۈمىنگۈەننىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق رايونلار بۇ نام بىلەن ئاتالغان.

غەربىي سەھرايى كەبىر

  • غەربىي سەھرايى كەبىر[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] غەربىي سەھرايى كەبىر ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 266 مىڭ كۋادرات كىلومېتر. ئاھالىسى ئەرەبلەر ۋە پارپالاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئەرەب تىلى ۋە ئىسپان تىللىرى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ.

  • مىلادى Ⅶ ئەسىردە ئەرەبلەر بۇ جايغا كەلگەن. ⅩⅤ ئەسىردە پورتىگالىيە ۋە ئىسپانىيىلەر بېسىپ كىرگەن. 1958-يىلى 1-ئايدا ئىسپانىيە بۇ جاينى ئۆزىنىڭ بىر سىرت ئۆلكىسى قىلىۋالغان. 1976-يىلى 2-ئايدا ئىسپانىيە چېكىنىپ چىققان. ئارقىدىنلا ماراكەش ۋە ماۋرىتانىيە بېسىپ كىرىپ، بۆلۈشۈپ ئىدارە قىلغان. يەرلىك خەلقلەر ئۇلارغا قارشى بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، 1979-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ماۋرىتانىيە ئەسكەر چېكىندۈرگەن. ماراكەش شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دۆلەتنى كونترول قىلىۋالغان. 1975-يىلدىن بېرى ب د ت غەربىي سەھرايى كەبىر مەسىلىسى توغرىلىق كۆپ قېتىم قارار ماقۇللىغان، لېكىن ئۇ يەرنىڭ ماراكەشنىڭ كونتروللىقىدا تۇرماقتا.

غەرق

  • غەرق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسە ئىچىگە، چۆككەن، چۆمۈلگەن، پاتقان:[مىسال:] سۇغا غەرق بولماق. غەرق قىلماق.[يەشمىسى:] ② ھەددىدىن زىيادە، ھەددىدىن تاشقىرى، ناھايىتى:[مىسال:] غەرق مەست.

غەزەپ

  • غەزەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھەددىدىن زىيادە نەپرەت، ئاچچىق:[مىسال:] غەزىپى كەلمەك. * مۆمىن ئاكامنىڭ كۆزلىرىدە غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كەتتى.

غەزەپلەندۈرمەك

  • غەزەپلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «غەزەپلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مۇشۇنداق بىر قەدىردان دوستىنىڭ يامانلاردىن چىشى چۈشكىدەك دەرىجىدە ئازار يېگەنلىكى، شۇ تاپتا سۇتۇقنى ئىنتايىن غەزەپلەندۈردى.

غەزەپلەنمەك

  • غەزەپلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غەزىپى كەلمەك، قاتتىق ئاچچىقلانماق:[مىسال:] ئۇ كۆز ئالدىدا ئاشكارا ھالدا يۈز بېرىۋاتقان بۇنداق كەمسىتىش ۋە خورلۇققا ئىچ-ئىچىدىن غەزەپلەندى.

غەزەپلىك

  • غەزەپلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غەزىپى بار، غەزەپكە كەلگەن:[مىسال:] بوۋاينىڭ غەزەپلىك تۇرقى ئۆزگىرىپ، چوڭقۇر ئۇھ تارتتى-دە، تاپسىغا كېلىپ، شائىر بىلەن يانمۇيان ئولتۇردى.

غەزەپلىنىشمەك

  • غەزەپلىنىشمەك[يەشمىسى:] «غەزەپلەنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بۇ ئىشتىن قاتتىق غەزەپلىنىشتى.

غەزەپ-نەپرەت

  • غەزەپ-نەپرەت[يەشمىسى:] غەزەپ ۋە نەپرەت:[مىسال:] خەت ئوقۇلۇپ تۈگە-تۈگىمەي، خەلق توپى دېڭىزدەك چايقىلىپ، تۈگۈلگەن مۇشتلار ھاۋادا پۇلاڭلاپ، غەزەپ-نەپرەت سادالىرى گۈلدۈرمامىدەك ياڭراپ كەتتى.

غەزەل

  • غەزەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ① دەسلەپكى بېيىتنىڭ ھەر ئىككى مىسراسى قاپىيىداش بولغان، كېيىنكى بېيتىلىرىنىڭ ئاخىرقى مىسراسى دەسلەپكى ئىككى مىسراسىغا قاپىيىداش بولۇپ كېلىدىغان لىرىك شېئىر:[مىسال:] ناۋايى غەزەللىرى. گۇمنام غەزەللىرى.[يەشمىسى:] ② ئاھاڭغا سېلىنغان شۇ خىل شېئىر؛ ناخشا:[مىسال:] غەزەل ئېيتماق.

غەزەلچى

  • غەزەلچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غەزەل ئېيتىدىغان ئادەم:[مىسال:] بۇ بازاردا غەزەلچىلەر، راۋابچىلار، ئىت تالاشتۇرغۇچىلار... ئىش قىلىپ خىلمۇخىل ئادەملەر بار ئىدى.

غەزەلخان

  • غەزەلخان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] «غەزەلچى»گە قاراڭ:[مىسال:] غەزەلخان بولمىسا بۇلبۇل، كىرەرمۇ جىلۋىگە ھەر گۈل. ئاشارمۇ قىممىتى گۈلنىڭ، قونماي بەرگىگە بۇلبۇل

غەزەلخانلىق

  • غەزەلخانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غەزەل ئېيتىش، غەزەل ئوقۇش:[مىسال:] − بىزنىڭ ۋەزىپىمىز غەزەلخانلىق ئەمەس، بەلكى ھويلا-ئارامنى ئوغرى يالغاندىن، ئېغىل-قوتاننى بۆرە-قاۋاندىن ساقلاش، − دېدى تاغىل ئىت.

غەزەلىيات

  • غەزەلىيات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بۇ سۆز ئەسلىدە «غەزەل» سۆزىنىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، «غەزەللەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] «ئون ئىككى مۇقام»نىڭ ناخشىلىرى لىرىك غەزەلىيات، خەلق قوشاقلىرى، خەلق داستانلىرىدىن تۈزۈلگەن.

غەزۋە

  • غەزۋە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. كۆپىنچە تۈۋىدىن شاخلىنىدۇ، يوپۇرمىقى قوشۇق ياكى يىپ شەكلىدە بولۇپ، يۇمشاق تۈكلىرى بولىدۇ. گۈلى سېرىق ۋەباشسىمان گۈل رېتىدە كېلىدۇ. غولى ۋە يوپۇرمىقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. يۆتەل توختىتىش ۋە بەلغەم بوشىتىش رولىغا ئىگە.

غەزىنەت

  • غەزىنەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاپا-تەنە.

غەسسال

  • غەسسال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مېيىتنى يۇيىدىغان ئادەم، مېيت يۇغۇچى.

غەسىل

  • غەسىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مېيىتنى يەرلىككە قويۇشتىن بۇرۇنقى يۇيۇش ھەرىكىتى:[مىسال:] غەسىل قىلماق.

غەش

  • غەش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىدىن تەشۋىشلەنگەن، خاپا بولغان، خاپا، تۇتۇق (كۆڭۈل ھەققىدە):[مىسال:] غەش بولماق. غەش قىلماق.

غەشلىك

  • غەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىدىن تەشۋىشلىنىش، بىئاراملىق:[مىسال:] كۈندە دېگۈدەك ھاۋا تۇتۇلۇپ كۆڭۈلگە غەشلىك سالاتتى.

غەلەت

  • غەلەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يالغان، ساختا، راست بولمىغان:[مىسال:] غەلەت سۆز. غەلەت گەپ.

غەلدى-غەش

  • غەلدى-غەش[يەشمىسى:] قالدى-قاتتى، كېرەكسىز نەرسىلەر، ئەخلەت-چاۋار، سۈپۈرۈندى:[مىسال:] شاۋكەت لىقمۇلىق بىر قازان قوغۇشۇننى چەككىلەپ، غەلدى-غەشلىرىنى پاكىز سۈزۈپ بولدى.

غەللە

  • غەللە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئاشلىق، مەھسۇلات:[مىسال:] غەللە-پاراق.[يەشمىسى:] ② تۈگمەن ھەققى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئاشلىق ياكى باشقا نەرسە.[يەشمىسى:] ③ سودا دۇكانلىرىدا سودىدىن چۈشكەن پۇل:[مىسال:] غەللە سانىماق.[يەشمىسى:] ④ سودىدىن چۈشكەن پۇلنى سالىدىغان ساندۇقچە:[مىسال:] غەللىگە پۇل سالماق.

غەللە-پاراق

  • غەللە-پاراق[يەشمىسى:] دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەتكە مەلۇم نىسبەت بويىچە باج ئورۇندا تاپشۇرىدىغان ئاشلىقى:[مىسال:] غەللە-پاراق تاپشۇرماق. * ياق، دېدى قىز دادىسىغا خۇشال كۈلۈمسىرەپ، قوشنا دادۈينىڭ غەللە-پاراق تاپشۇرۇشقا كىرگەن تراكتورىغا ئولتۇرۇۋالدىم.

غەللىچى

  • غەللىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غەللە-پاراق يىغىدىغان ئادەم.

غەلۋە

  • غەلۋە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① جېدەل، ماجىرا:[مىسال:] غەلۋە كۆتۈرمەك. كاۋاپچىنىڭ غەللىسىدە قالغان 30 كوينى قايتۇر دەپ غەلۋە قىلىپ ھۆرپىيىۋاتىدۇ.[يەشمىسى:] ② ۋاراڭ-چۇرۇڭ:[مىسال:] غەلۋە قىلماڭلار دەپ ۋارقىرىدى ئاسىم يىغىن باشقۇرغۇچىلار ئۈچۈن قويۇلغان شىرەنىڭ يېنىغا ئۆتۈپ.[يەشمىسى:] ③ توپىلاڭ:[مىسال:] يۇرتىدا غەلۋە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۇتۇق بۇغراخان بەك خاپا بولدى.

غەلۋە-غوۋغا

  • غەلۋە-غوۋغا[يەشمىسى:] ئۇرۇش-جېدەل:[مىسال:] قازىخانىنىڭ ئىچى غەلۋە-غوۋغا بىلەن تولۇپ كەتتى.

غەلۋىچى

  • غەلۋىچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇرۇشقاق، سوقۇشقاق، جېدەلخور:[مىسال:] غەلۋىچى ئادەم. * قاراڭ، غەلۋىچىلەر يەنە كەلدى، دېدى ئۇ ماڭا.

غەلۋىخور

  • غەلۋىخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جېدەلخور، ئۇرۇشقاق، غەلۋىچى:[مىسال:] تازىمۇ غەلۋىخور ئادەم ئىكەنسىلەر ئۇ يەنە نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى ئىدى، لېكىن تەرەپ-تەرەپتىن كۆتۈرۈلگەن غەزەپلىك ئاۋازلار ئۇنى گاڭگىرىتىپ قويدى.

غەلۋىر

  • غەلۋىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇغداي، گۈرۈچ قاتارلىقلارنى تاسقاش ئۈچۈن كىرىش ياكى سىمدىن توقۇلغان، قاسقانلىق ئۆي سايمىنى، تۆشۈكلىرى ئەلگەكتىن چوڭراق:[مىسال:] ئۇ: مەن ئامباردىن غەلۋىر ئېلىپ بېرەي، مۇشۇ يەردىلا تازىلا، دەپ بۇيرۇپ قويۇپ كېتىپ قالدى.

غەلۋىرەك

  • غەلۋىرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە ياكى زەنجىرسىمان باكتېرىيەلەرنىڭ تۈك خالتىسىغا كىرىۋېلىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدىغان بىر خىل تېرە كېسىلى.

غەلۋىرچى

  • غەلۋىرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غەلۋىر ياساپ ساتىدىغان ئادەم.

غەلۋىرىسىمان

  • غەلۋىرىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەكلى غەلۋىرگە ئوخشاش، غەلۋىر شەكىللىك:[مىسال:] غەلۋىرسىمان نەيچە. غەلۋىرسىمان ھۈجەيرە.

غەلۋىسىز

  • غەلۋىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غەلۋىسى يوق، غەلۋە قىلمايدىغان:[مىسال:] غەلۋىسىز ئۆي. غەلۋىسىز بالا.

غەلۋىلىك

  • غەلۋىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① غەلۋە چىقىپ تۇرىدىغان، غەلۋە-غوۋغىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:[مىسال:] غەلۋىلىك ئۆي. غەلۋىلىك مەھەللە.[يەشمىسى:] ② ۋاراڭ-چۇرۇڭ، سۈرەن-چوقانلار تولا؛ ئەنسىزلىك.

غەلىبە

  • غەلىبە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۇرۇش ۋە جەڭلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئۈستۈنلۈك، مۇۋەپپەقىيەت؛ زەپەر:[مىسال:] غەلىبە قىلماق. غەلىبە قازانماق.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىشتىن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە، مۇۋەپپەقىيەت:[مىسال:] بۇ يىل باھاردا يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ئۈستىدىنمۇ غەلىبە قىلىندى. ئۇ ئۆز ئىشىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا قاتتىق ئىشىنىدۇ.[يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

غەلىبىسېرى

  • غەلىبىسېرى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] غەلىبە ئۈستىگە غەلىبە قۇچۇپ، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ:[مىسال:] ئۇلار بۇ سوئالغا:[مىسال:] «تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز» دەپ جاۋاب بېرىشتى.

غەلىبىلىك

  • غەلىبىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غەلىبىسى بار، غەلىبە قىلغان، غەلىبىگە ئېرىشكەن:[مىسال:] غەلىبىلىك سەپەر. غەلىبىلىك يىغىن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] غەلىبە بىلەن، غەلىبە قىلغان ھالدا:[مىسال:] شۇنىڭ بىلەن تولغاق مىكروبلىرى پاك-پاكىز يوقىتىلىپ، جەڭ غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

غەلىتە

  • غەلىتە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان، ئاجايىپ، ئۆزگىچە، باشقىچە:[مىسال:] غەلىتە ئادەم. غەلىتە ئىش. غەلىتە خىيال. ساۋۇت تۇيۇقسىزدىن بىر قۇشنىڭ غەلىتە سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ بېشىنى كۆتۈردى.

غەلىتىلەشمەك

  • غەلىتىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غەلىتە ھالەتكە كەلمەك، ئۆزگىچە بولۇۋالماق:[مىسال:] خېلى كۈنلەردىن بۇيان قىزنىڭ غەلىتىلىشىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ئابلائاخۇن خەلچىخاننى ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ بېقىشقا بۇيرۇدى.

غەلىتىلىك

  • غەلىتىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غەلىتە ھالەت:[مىسال:] غەلىتىلىك ھېس قىلماق. * ئۇنىڭ كۈلكىسىدىكى غەلىتىلىك ئەكرەمنىمۇ ھەيران قالدۇردى.

غەلىيان

  • غەلىيان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قارشىلىق، نارازىلىق قىلىش تۈپەيلىدىن كۆتۈرۈلگەن ئىسيان، توپىلاڭ، قوزغىلاڭ، غەلۋە، ماجىرا:[مىسال:] غەلىيان كۆتۈرمەك. غەلىيان قىلماق.

غەلىيانچى

  • غەلىيانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توپىلاڭچى، قوزغىلاڭ كۆتۈرگۈچى، ئىسيانكار:[مىسال:] پالتىبەگ باشقا بەگلەر بىلەن بىللە غەلىيانچىلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ چارىسىنى مەسلىھەتلەشتى.

غەلىيانلىق

  • غەلىيانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توپىلاڭ، ئىسيان كۆتۈرۈلگەن، قوزغىلاڭ بولغان:[مىسال:] ئۆتكەنكى شۇ غەلىيانلىق يىللارنىڭ يىلتىزى قومۇرۇپ تاشلانغىنىغا تېخى ئانچە كۆپ ۋاقىت بولمىدى.

غەم

  • غەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئەندىشە، تەشۋىش، ئەنسىرەش:[مىسال:] غەم قىلماق. غەمدە قالماق. * ئەرنىڭ غېمى ئەلدە (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەييارلىق، ھازىرلىق:[مىسال:] كەنتتىكىلەر مال-چارۋىچىلارنى قىشتىن ئامان-ئېسەن ئۆتكۈزۈشنىڭ غېمىنى قىلىۋاتىدۇ .

غېمىدە يوق

  • غېمىدە يوق[يەشمىسى:] ئويلاپمۇ قويماي، خىيالىغا كەلتۈرمەي، بىغەم ھالدا:[مىسال:] ئەنۋەرنىڭ قوللىرى تىترىدى، چىرايى تاتىرىپ، كۆزلىرى چەكچەيدى ۋە يالت قىلىپ ئادىلغا قارىدى، ئۇ بولسا غېمىدە يوق پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتاتتى.

غەم-ئەندىشە

  • غەم-ئەندىشە[يەشمىسى:] غەم ۋە ئەندىشە:[مىسال:] ئاپرېل ئېيى ئەتراپنى قانچىلىك گۈزەللىك بىلەن بېزىگەن بولسۇن، ئۇ بەرىبىر ئادىلنىڭ غەم-ئەندىشە بىلەن تولغان كۆڭلى ئۈچۈن تەسەللى بولالمايتتى.

غەمخان

  • غەمخان[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ غېمىنى قىلغۇچى، مېھرىبان، غەمگۈزار:[مىسال:] ياراتقان ئىگىسى بىلىدۇ بالام، خۇدايىمنىڭ ئۆزى غەمخان، كەچ قويسىمۇ، ئاچ قويماس دەپتىكەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پەرىشان، غەمكىن:[مىسال:] مەن بىر ئىشقا خېلىدىن ھەيران، ئويلىغانچە بولىمەن غەمخان.

غەمخور

  • غەمخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] باشقىلار ئۈچۈن قايغۇرىدىغان، كۆيۈنىدىغان، مېھرىبان:[مىسال:] ئاخىرى ئۇ ئۆزىنى ناھايىتىمۇ غەمخور قىلىپ كۆرسىتىپ، شاھنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ. كىم يېتەر مەنزىلگە بىر باش بولمىسا، جان كۆيەر غەمخور سەپەرداش بولمىسا.

غەمخورلۇق

  • غەمخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆيۈمچانلىق، مېھرىبانلىق:[مىسال:] ئەمەت باشقىلارنىڭ غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتتى.

غەمزە

  • غەمزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناز، جىلۋە.

غەمسىز

  • غەمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غېمى يوق، بىغەم:[مىسال:] غەمسىز ئادەم. ھەبىبە ئاغزىنى تەمشىپ ياتقان غەمسىز بوۋاققا قاراپ ئۇلۇغ كىچىك تىندى-دە، يۈز-كۆزىدىكى ياشنى سۈرتتى.

غەمسىزلىك

  • غەمسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غەمسىز ھالەت، بىغەملىك.

غەمسىنماق

  • غەمسىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چىراي شەكلىدىن غەمكىنلىك ئىپادىلەنمەك، غەمكىنلىك ھېس قىلماق، غەمكىنلەشمەك:[مىسال:] توختىئاخۇن خوتۇنىغا:[مىسال:] كىممۇ زەھەر يۇتۇپ غەمسىنىپ يۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، «ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت» دەپتىكەن، سەن ئوبدان خىيال قىل، بىزنىڭ بېشىمىزغا غەم-قايغۇ كەلگەندە ئۇلار بىز بىلەن تەڭ قايغۇرغان، دەپ نەسىھەت قىلدى.

غەم-غۇسسە

  • غەم-غۇسسە[يەشمىسى:] غەم-قايغۇ، غەم-ھەسرەت، خاپىلىق:[مىسال:] ئادەم ھەمىشە ئۆزىنى خۇشال-خۇرام تۇتۇشى كېرەك. ھەرقانچە قىيىنچىلىق ۋە غەم-غۇسسە ئىچىدە بولسىمۇ ئۆزىنى خۇشال تۇتۇش ھەر جەھەتتىن ياخشى.

غەم-قايغۇ

  • غەم-قايغۇ[يەشمىسى:] غەم ۋە قايغۇ:[مىسال:] شۇ تاپتا شائىر ھېكىم نۇرنى ئەسكە ئېلىپ قالدى. ھېكىم نۇر مەسىلىسى سەپداشلارنى غەم-قايغۇغا سېلىۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلارنى قايتا-قايتا ھوشيارلىققا ئۈندەۋاتقان ئېغىر بىر مەسىلە بولۇپ قالغانىدى.

غەمكىن

  • غەمكىن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] غەم-ئەندىشىگە پاتقان، غەم باسقان، قايغۇلۇق، مىسكىن، مەيۈس:[مىسال:] ھاجى غەمكىن خوشلىشىپ قايتتى.

غەمكىنلەشمەك

  • غەمكىنلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غەمكىن ھالەتكە كەلمەك، غەمكىن بولماق، مەيۈسلەنمەك:[مىسال:] بەزى چاغلاردا، ئۇ شۇ قەدەر غەمكىنلىشىپ كېتەتتىكى، نېمە قىلارىنى بىلمەي، مېخانىكىلىق ھالدا كۈندىلىك خاتىرىلا يازاتتى.

غەمكىنلىك

  • غەمكىنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غەمكىن ھالەت:[مىسال:] مۇتەللىپ بالىلارغا غەمكىنلىك بىلەن قاراپ قويۇپ، ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.

غەمگۈزار

  • غەمگۈزار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] باشقىلارنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلغۇچى، كۆيۈمچان، مېھرىبان، غەمخور:[مىسال:] شوق شامال غەمگۈزار قىزنىڭ كەڭ پېشانىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان ماڭلاي چېچىنى خۇددى مايسىنى تەۋرەتكەندەك يەلپۈپ تارايتتى.

غەملەتمەك

  • غەملەتمەك[يەشمىسى:] «غەملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غەملەشمەك

  • غەملەشمەك[يەشمىسى:] «غەملىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار كەم-كۈتىلىرىنى غەملىشىپ سەپەرگە تەخ بولۇپ تۇرۇشتى.

غەملەنمەك

  • غەملەنمەك[يەشمىسى:] «غەملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] چارۋىلارنىڭ قىشلىق ئوزۇق-تۈلۈكى غەملەندى.

غەملىك

  • غەملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غېمى بار، غەمگە پاتقان، غەمكىن، قايغۇلۇق:[مىسال:] قەمەرۇززامان كۆزلىرىدىن مونچاقتەك ياش تۆكۈپ تۇرۇپ، كۆڭلى سۇنۇق، دىلى مۇڭلۇق، ئۆزى غەملىك ھالدا ئاتىسىغا قاراپتۇ.

غەملىمەك

  • غەملىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كېرەك بولغان نەرسە-كېرەكلەرنى تەييارلىماق، ھازىرلىماق، يىغماق:[مىسال:] بىز ئون كۈنلۈك ئوزۇق-تۈلۈكنى غەملەپ ھوشۇر ئاكا بىلىدىغان نىشانلارغا قاراپ ئاتلىق يولغا چىقتۇق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تويدۇرماق:[مىسال:] نېمىشقا شۇنى ئاپىرىپ بېرىش باھانىسى بىلەن قورسىقىمنى غەملەپ كەلمەيمەن.

غەمناك

  • غەمناك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] روھىي جەھەتتىن چۈشكۈن، غەمكىن؛ خاپا:[مىسال:] مەن ئىشقى چۆلىدە غەمناك بولۇپ يۈرگەن بىر يىگىتنىڭ ئىشىنى ئاسان قىلىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلاندىم.

غەم-ھەسرەت

  • غەم-ھەسرەت[يەشمىسى:] غەم ۋە ھەسرەت:[مىسال:] جەمئىيەتتە ئورنى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئادەملەر غەم-ھەسرەت دېگەننى بىلمەيدۇ دەيدىغان سۆز توغرا ئەمەس ئىكەن.

غەنىي

  • غەنىي[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھېچ نەرسىگە موھتاج بولمايدىغان؛ باي، دۆلەتمەن:[مىسال:] غەنىيلەرگە كۈندە مەشرەپ، كۈندە توي، غېرىبلارغا كۈندە ھەسرەت، كۈندە ئوي.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

غەنىيلىك

  • غەنىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دۆلەتمەنلىك:[مىسال:] غەنىيلىك ھەممە ئادەمگە نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ.

غەنىيمەت

  • غەنىيمەت[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئۇرۇش ياكى ئوۋلاردا قولغا چۈشكەن ئولجا، قورال-ياراغ ياكى ھەر خىل ماددىي ئەشيالار:[مىسال:] غەنىيمەت ئالماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېزدىن ئۆتۈپ كېتىدىغان، قايتا تەكرارلانمايدىغان، قەدرىگە يېتىش لازىم بولغان (ئادەم ياكى نەرسىلەر ھەققىدە)؛ئەڭ قۇلاي، ئەڭ مۇۋاپىق (پەيت، ۋاقىت ۋە پۇرسەتلەر ھەققىدە):[مىسال:] ۋاقىت غەنىيمەت. * گالدىن ئۆتكەن غەنىيمەت (ماقال).

غەۋۋاس

  • غەۋۋاس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سۇ ئاستىغا چۈشۈپ، ئۈنچە-مەرۋايىت قاتارلىقلارنى ئىزدەپ تېپىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدىغان كىشى:[مىسال:] پادىشاھ:[مىسال:] ئەي غەۋۋاسلار ھەممىڭلار بۇ كىشىگە دەريادىن گۆھەر تاشلاپ بېرىڭلار، بۇ يەردىن تېز يانسۇن، دەپ پەرمان قىلدى.[يەشمىسى:] ② سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان مەخسۇس كىيىملەرنى كىيىپ، سۇ ئاستىدا خىزمەت قىلىدىغان خادىم: غەۋۋاس كىيىمى.

غەۋۋاسلىق

  • غەۋۋاسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇ ئاستىغا چۈشۈش ئىشى:[مىسال:] غەۋۋاسلىق قىلماق.

غەيرەت

  • غەيرەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشنى تېزرەك ئورۇنداشقا بولغان ئىنتىلىش، تىرىشچانلىق، جاسارەت:[مىسال:] غەيرەت بەرمەك. غەيرەت قىلماق. * ھۇرۇننىڭ غەيرىتى ئىش تۈگىگەندە كېلەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

غەيرەت-جاسارەت

  • غەيرەت-جاسارەت[يەشمىسى:] غەيرەت ۋە جاسارەت:[مىسال:] بىز جەزمەن ئاممىغا، ئاممىنىڭ غەيرەت-جاسارىتىگە ئىشىنىشىمىز لازىم.

غەيرەتچان

  • غەيرەتچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غەيرىتى بار، غەيرەت قىلالايدىغان، غەيرەتلىك:[مىسال:] ئۇ بەك غەيرەتچان ئادەم ئىدى.

غەيرەتسىز

  • غەيرەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غەيرىتى يوق، جۈرئىتى يوق:[مىسال:] غەيرەتسىز ئادەم. ئۇ ئۆزىنىڭ غەيرەتسىز ئىكەنلىكىنى ئەيىبلەپ كايىدى.

غەيرەتسىزلىك

  • غەيرەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غەيرىتى يوقلۇق:[مىسال:] غەيرەتسىزلىك ئادەم ئۈچۈن ئېغىر نۇقسان.

غەيرەت-شىجائەت

  • غەيرەت-شىجائەت[يەشمىسى:] غەيرەت ۋە شىجائەت:[مىسال:] ئالىي ئىستەك كىشىدە غەيرەت-شىجائەت پەيدا قىلىدۇ.

غەيرەتلەندۈرمەك

  • غەيرەتلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «غەيرەتلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھەي توز ئاچا، شۇنداق قىلىپ مەن ھېلىقى شىرنىڭ بالىسىنى «ئادەم ئوغلىدىن ئېھتىيات قىل» دەپ غەيرەتلەندۈرگەنىدىم، ئاخىرى ئۇ ئىرغىپ ئورنىدىن تۇردى.

غەيرەتلەندۈرۈشمەك

  • غەيرەتلەندۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «غەيرەتلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غەيرەتلەندۈرۈلمەك

  • غەيرەتلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «غەيرەتلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

غەيرەتلەنمەك

  • غەيرەتلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غەيرەتكە كەلمەك، غەيرىتى قوزغالماق، غەيرەت قىلماق، روھلانماق:[مىسال:] ئۇلار قايتىدىن غەيرەتلىنىپ، بىرپەس ماڭغاندىن كېيىن «تۇمشۇق»قا يېتىپ كەلدى.

غەيرەتلىك

  • غەيرەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غەيرىتى بار، جۈرئەتلىك:[مىسال:] غەيرەتلىك ئادەم. ∥ بەللى يارايسەن ئوغلۇم مۇشۇنداق غەيرەتلىك بولساڭ، چوڭ بولغاندا راست ئايروپىلان ھەيدىيەلەيسەن، دەپ ماختىدى.

غەيرىي

  • غەيرىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① باشقا، باشقىچە، ئۆزگە، ئۆزگىچە:[مىسال:] ئۇنىڭ قىزغا تىكىلگەن قارا كۆزلىرىدە كۈچلۈك بولغان بىر خىل غەيرىي ھېسسىيات ئۇچقۇنلىرى يېغىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② ناتونۇش، يات، بىگانە، يوچۇن:[مىسال:] غەيرىي ئادەم. غەيرىي دىن. غەيرىي يۇرت.

غەيرىيلىك

  • غەيرىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① غەيرىي ھالەت.[يەشمىسى:] ② ئادەم ۋە ھايۋانلار تېنىدىكى مەلۇم قىسىملارنىڭ يېتىلىشىدىكى نورمالسىزلىق ھادىسىلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەسىلەن، قولدا ئالتە بارماق بولۇش قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

غەيۇر

  • غەيۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] غەيرىتى بار، غەيرەتلىك، جەسۇر، قەيسەر، باتۇر:[مىسال:] مېنىڭ ئېرىم ناھايىتى غەيۇر كىشى، دېدى مەلىكە، مېنىڭ يېنىمغا سىزدەك شاھلار كېلىپ-كېتىپ تۇرىدۇ.

غەيۇرانە

  • غەيۇرانە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] غەيۇرلارچە، مەردانىلەرچە:[مىسال:] غەيۇرانە چامدىماق. غەيۇرانە سۆزلىمەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غەيۇرلاردەك، باتۇرلۇق چىقىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] ئۇ ئاستا تولغاندى، لېكىن چىرايى شۇنچىلىك مەردانە، نۇر يېغىپ تۇرار. ئەڭ جۇشقۇن بىر تۇيغۇ، غەيۇرانە روھ، تىتىلغان بويىدا قايناپ جۇش ئۇرار.

غەيۇرلۇق

  • غەيۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جاسارەتلىك، قەيسەرلىك:[مىسال:] ئۇنىڭ قېرى دەرەخنىڭ قوۋزىقىدەك تىلىم-تىلىم قورۇقلار بىلەن تۈگەل قاپلانغان پېشانىسىدە ياشاشقا ئىشتىياق باغلىغان ھارماس، قەيسەر ئادەمگە خاس غەيۇرلۇق، پاراسەت ۋە خۇش كۆڭۈللۈكنىڭ شولىسى ئوينايدۇ.

غەيۋەت

  • غەيۋەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىراۋ توغرۇلۇق باشقا بىركىمگە قىلىنغان يامان گەپ؛ ئارقىدىن قىلىنغان گەپ، سۆز-چۆچەك:[مىسال:] غەيۋەت قىلماق. گاس دەپ غەيۋەت قىلما. قارىغۇ دەپ خىيانەت قىلما (ماقال).

غەيۋەتچى

  • غەيۋەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دائىم باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان ئادەم، غەيۋەتخور:[مىسال:] غەيۋەتچىلەرنىڭ غەيۋىتىنى تىڭشىغانلىقمۇ غەيۋەت قىلغانغا يېقىن پەس قىلىق. ∥ھەيرانمەن، غەيۋەتچى خوتۇنلاردەك ئۇششاق گەپلەرنى يازغىلى تۇرغىنىنى قارىمامسەن.

غەيۋەتچىلىك

  • غەيۋەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غەيۋەت قىلىش ئادىتى؛ غەيۋەتخورلۇق.

غەيۋەتخور

  • غەيۋەتخور[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دائىم باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان:[مىسال:] غەيۋەتخور ئادەم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دائىم باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان ئادەم، غەيۋەتچى:[مىسال:] غەيۋەتخورنىڭ تىلىنى كەس، ئاڭلىغۇچىنىڭ قۇلىقىنى كەس (ماقال).

غەيۋەتخورلۇق

  • غەيۋەتخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غەيۋەت قىلىش ئادىتى:[مىسال:] غەيۋەتخورلۇق ئىنساندىكى ئەڭ پەسكەش مىجەز.

غەيۋەت-شىكايەت

  • غەيۋەت-شىكايەت[يەشمىسى:] غەيۋەت ۋە شىكايەت:[مىسال:] راھىلە بۇلارنى كۆرۈپ قىزىرىپ كەتتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ غەيۋەت-شىكايەتلىرىگىمۇ ئانچە پەرۋا قىلمىدى.

غوپ

  • غوپ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئىچى كاۋاك نەرسىلەرنىڭ ئىچىگە سەل بوشراق كېلىدىغان نەرسىلەرنى تىققاندا چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] ئۇ ئۆتۈكىنى غوپ قىلىپ كىيىۋالدى-دە، چىقىپ كەتتى.

غوپپىدە

  • غوپپىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «غوپ» قىلغان ھالدا، «غوپ» قىلىپ:[مىسال:] ئۆتۈكنى غوپپىدە كىيمەك.

غوپ-غوپ

  • غوپ-غوپ[يەشمىسى:] «غوپ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

غوپ-غوپىلاڭ

  • غوپ-غوپىلاڭ [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قۇپقۇرۇق، بوش.

غوت

  • غوت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرەر مەسىلە ئۈستىدە ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ ئېيتىلغان كوتۇلداشقا تەقلىد قىلىپ ئېيتىلىدۇ.

غوت-غوت

  • غوت-غوت[يەشمىسى:] «غوت» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] نېمىدېگەن كۆپ گەپ غوت-غوت بۇ، پىكرىڭ بولسا ئوچۇق دېمەمسەن.

غوتۇلداتماق

  • غوتۇلداتماق[يەشمىسى:] «غوتۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غوتۇلداشماق

  • غوتۇلداشماق[يەشمىسى:] «غوتۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] غوتۇلداشماڭلار، پىكىر بولسا، ئاشكارا بەرسەڭلار بولىدۇ. دېدى مەجلىس رەئىسى يان تەرەپتە ئولتۇرغانلارغا قاراپ.

غوتۇلداق

  • غوتۇلداق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دائىم ئاڭلىنار-ئاڭلانماس بىرنېمىلەرنى دەيدىغان، تولا غوتۇلدايدىغان.

غوتۇلدىماق

  • غوتۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىدىن نارازى بولۇپ، ئېنىقسىز بىرنېمىلەرنى دېمەك؛ كوتۇلدىماق:[مىسال:] زەينەپ ئۆزىنىڭ خاتاسىنى چۈشەندى ۋە سۆزلىيەلمەي غوتۇلدىدى.

غوجا

  • غوجا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «خوجا»غا قاراڭ.

غوجا تام

  • غوجا تام[يەشمىسى:] تامنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېرەك ئورنىدا يۆلەپ قوپۇرۇلغان تام:[مىسال:] ئەكبەر غوجاتام ۋە تېرەكلەر تىرەلگەن تاملارغا قارىدى.

غوداي

  • غوداي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر خىل سۇ قۇشى. بوينى قىسقا، ئاغزى چوڭ، تۇمشۇقى ئۇزۇن، رەڭگى كۆكۈچ، گېلىدا پوقىقى بار، ئاساسەن بېلىق بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.

غودۇر

  • غودۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۈستى سىلىق، تەكشى بولمىغان؛ قوتۇر:[مىسال:] ئادىل قەپەسنى كۆتۈرۈپ ئىشىك ئالدىدىكى قېرى ئۈجمە دەرىخىگە ياماشتى. ئۈجمە دەرىخى توم ھەم غۇدۇر ئىدى.[يەشمىسى:] ② بىركىم تېرىمىغان، پەقەت ئۆزلۈكىدىن ئۇ يەر بۇ يەردە، ئېگىز-پەس ئۈنۈپ قالغان:[مىسال:] غودۇر ئۈنمەك. غودۇر بۇغداي.

غودۇر بۇغداي

  • غودۇر بۇغداي[يەشمىسى:] بىر كىم تېرىمىغان، ئۆزلۈكىدىن ئۇ يەردە، بۇ يەردە ئۈنۈپ قالغان بۇغداي.

غودۇر-بۈدۈر

  • غودۇر-بۈدۈر[يەشمىسى:] ئويمان-چوڭقۇر، ئېگىز-پەس، تەكشى ئەمەس:[مىسال:] كېسەلنىڭ ئورۇق، تاتارغان غودۇر-بۈدۈر يۈزلىرى ۋە ئۆسۈپ قالغان ساقال-بۇرۇتلىرى ئارىسىدىكى، قاڭشارلىق بۇرنىنىڭ ئۇچىدا تەرتامچىلىرى چىمىرلاپ تۇراتتى.

غودۇر-دۆڭ

  • غودۇر-دۆڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىرىك، قوپال؛ ئېگىز-پەس:[مىسال:] كۈيئوغۇل قۇلنىڭ يېرىلىپ كەتكەن غودۇر-دۆڭ قوللىرىنى ھەرەڭ-سەرەڭ قىلىپ، كېيىكنىڭ بالىسىدەك چىرايلىق قىزنى ھەر تەرەپكە ئېگىپ ئوينىغۇسى كەلدى.

غودۇرلۇق

  • غودۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] دەريا قىنى، ئېرىق-ئۆستەڭ ياكى تۇرۇبا دىۋارىنىڭ يىرىكلىك دەرىجىسى. ئۇ سۇيۇقلۇقنىڭ ئېقىش سۈرئىتىگە قارىتا گەۋدىلىك رول ئوينايدۇ.

غودۇڭشىتماق

  • غودۇڭشىتماق[يەشمىسى:] «غودۇڭشىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غودۇڭشىشماق

  • غودۇڭشىشماق[يەشمىسى:] «غودۇڭشىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غودۇڭشىغاق

  • غودۇڭشىغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولا غودۇڭشىيدىغان:[مىسال:] غودۇڭشىغاق ئادەم.

غودۇڭشىماق

  • غودۇڭشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا نارازى بولۇپ ئۆز-ئۆزىگە گەپ قىلماق، ئېنىق ئاڭلىغىلى بولمايدىغان بىرنېمىلەرنى دېمەك:[مىسال:] بەزىلەر نارازى بولۇپ غودۇڭشىدى.

غورⅠ

  • غورⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] «غور-غور»غا قاراڭ.

غورⅡ

  • غورⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قورساق ئاغرىپ ئىچى سۈرگەندە چىققان ئاۋاز.

غورا

  • غورا[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆرۈكنىڭ پىشىپ يېتىلمىگەن مېۋىسى:[مىسال:] غورا يېمەك، ئۆرۈك غورىسى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاساسەن پىشىپ يېتىلمىگەن مېۋە، توڭ:[مىسال:] سەۋر قىلساڭ، غورىدىن ھالۋا پىشار (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۇرمۇش تەجرىبىسى كەم، بېشىدىن ئىسسىق-سوغۇق ئۆتكۈزمىگەن، ھېچ ئىش كۆرمىگەن؛ كىچىك:[مىسال:] ھوي، شۇ غورىلارنىڭ گېپىگە كىرىپ يۈردۈڭمۇ، دېدى بوۋاي غەزەپ بىلەن.

غورا قاپاق

  • غورا قاپاق[يەشمىسى:] دۆڭ[يەشمىسى:] قاپاق:[مىسال:] خۇرشىدە غورا قاپاق، دوغىلاق كەلگەن، كۆك كۆز، 50 ياشلاردىكى ئايال ئىدى.

غوراپ

  • غوراپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] خام ئۈزۈم.

غورتەك

  • غورتەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋىجىك، كىچىك؛ كىشىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان، قەدىرسىز:[مىسال:] بۈگۈنكى كۈندە ئېتىزدا پېشانىسى كۆيگەندەك ئىشلىمەي، ھە دېسە ئويۇن-تاماشا بىلەن بولۇۋاتقان ئاشۇ قادىردەك غورتەكلەردىن كېيىن قالدىممۇ

غور-غورⅠ

  • غور-غورⅠ[يەشمىسى:] قوچقار سوقۇشتۇرغۇچىلارنىڭ ئىككى قوچقارنى سوقۇشتۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۈندەش ئىماسى:[مىسال:] مەيدانغا ئىككى تەرەپتىن ئىككى قوچقارنى ئىككى ئادەم يېتىلەپ كىرىپ، بىر-بىرىگە قارىتىپ توختاتتى، بىر پەستىن كېيىن «غور-غور» دەپ قويۇپ بېرىۋىدى، شۇنداق قاتتىق سوقۇشتىكى، ناۋادا پولات ئىككى قوچقارنىڭ ئارىسىدا قالغان بولسا، مىجىلىپ كەتكەن بولاتتى.

غور-غورⅡ

  • غور-غورⅡ[يەشمىسى:] «غورⅡ»سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] غور-غور قان ئاقماق.

غورۇ

  • غورۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قوتان ۋە ھويلا-ئاراملارغا ئىشىك ياكى تام ئورنىدا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياغاچلارنى بىر-بىرىگە پاراللېل قىلىپياسىغان توسما:[مىسال:] ئارۇپ بوۋاي ھارۋىدىن چۈشۈپ، غورۇ ياغاچلىرىنى ئېلىۋەتتى.[يەشمىسى:] ② قوش قاناتلىق ئىشىكلەرنى ئىچىدىن تاقاپ قويىدىغان توغرا ياغاچ؛ تاقاق:[مىسال:] ئۇلار دەرۋازا تۈۋىگە كېلىپ قارىسا، دەرۋازا چىڭ ئېتىلىپ، غورۇ سېلىپ قويۇپتۇ.

غورۇڭ

  • غورۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] زۇكام ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاۋازىنىڭ ئۆزگىرىپ بوم چىقىشىغا قارىتا ئېيتىلىدۇ.

غورۇڭ-غورۇڭ

  • غورۇڭ-غورۇڭ[يەشمىسى:] «غورۇڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] مىجەزىڭ يوقمۇ نېمە، ئاۋازىڭ غورۇڭ-غورۇڭلا چىقىدۇ-غۇ

غورۇلانماق

  • غورۇلانماق[يەشمىسى:] «غۇرۇلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قىز ئەختەمباينىڭ بېدىلىك بېغىنىڭ غورۇلانغان ئىشىكىگە يۆلىنىپ تۇراتتى.

غورۇلاي

  • غورۇلاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. ماڭلىيى بىلەن بېشىنىڭ ئىككى يېنى قارا، بوينى كۈل رەڭ كۆك، دۈمبىسى قىزغۇچ قوڭۇر كېلىدۇ. دۈمبىسىدە قارا رەڭدە دولقۇنسىمان توغرا يوللىرى بولىدۇ، ھاشارات ۋە كىچىك قۇشلار بىلەن ئۇزۇقلىنىدۇ.

غورۇلداتماق

  • غورۇلداتماق[يەشمىسى:] «غورۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غورۇلدىماق

  • غورۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غور-غور» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «غور-غور»قىلماق:[مىسال:] قورسىقى غورۇلداپ ئاغرىماق.

غورۇلۇق

  • غورۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غورۇسى بار، غورۇ بېكىتىلگەن:[مىسال:] غورۇلۇق ھويلا.

غورۇلىماق

  • غورۇلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غورۇ بىلەن ئەتمەك، تاقىماق:[مىسال:] بىلال ئەزىزى شۇ چاغدىلا دەرۋازىنىڭ تاقاقسىز قالغانلىقىنى يادىغا ئېلىپ، ئىتتىكچىقىپ ئۇنى ئىچىدىن غورۇلاپ كىردى.

غورىگىل

  • غورىگىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەمبەغەل، نامرات؛ باياشات ئەمەس:[مىسال:] غورىگىل تۇرمۇش. بۇنىڭغا تولىمۇ خۇشالمەن، گەرچە داستىخىنىمىز غورىگىل بولسىمۇ، رەنجىشمەي، خۇشال ئولتۇرۇپ بېرىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن.

غورىگىلچىلىك

  • غورىگىلچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «غورىگىللىق»قا قاراڭ.

غورىگىللىق

  • غورىگىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غورىگىل ھالەت، كەمبەغەللىك.

غورىلىماق

  • غورىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غورا بولماق، غورا تۇتماق، غورىغا ئايلانماق:[مىسال:] ئۆرۈك غورىلىدى.

غوزا

  • غوزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كېۋەزنىڭ مېۋىسى. شەكلى دەسلەپتە قوڭغۇراققا، پىشقاندا بولسا، شاپتۇلغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئادەتتە تۆت پارچە ياپراقچىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، رەڭگى دەسلەپ يېشىل، پىشقاندا بولسا قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، ئىچىدە پاختا ۋە چېگىت بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بەزى ھاشاراتلارنىڭ لىچىنكىسى قورچاققا ئايلىنىشتىن بۇرۇن قۇسۇپ چىقارغان مەشۇتلىرى ئارقىلىق توقۇپ ياسىغان قېپى.

غوزەك

  • غوزەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① پىلە قۇرتىنىڭ غوزىسى:[مىسال:] ئۆتكەن يىل ئېلىنغان پىلە غوزىكى 1997-يىلىدىكىدىن 60 پىرسەنت ئېشىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈلى ياكى دېنىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ۋە ئانىلىق ياپراقچىلىرىدىن تۈزۈلگەن تۈگۈنچىكى:[مىسال:] تەنتەك ئۇرۇق سۆزىنى تۈگىتىپلا غوزىكىدىن چوڭ قارىغاينىڭ سايىسىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ.

غوزەكلىمەك

  • غوزەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غوزەك ھاسىل قىلماق، غوزەك ھالىتىگە كەلمەك:[مىسال:] بىزنىڭ ئېتىزدىكى كېۋەزلەر غۇژمەك-غۇژمەك غوزەكلەپتۇ.

غوزو

  • غوزو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مەڭگەن.

غوزىپايە

  • غوزىپايە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھوسۇلى، دانلىرى يىغىۋېلىنغان زىرائەتلەرنىڭ پاخىلى، شاخ-شۇمبىسى.

غوزىلىماق

  • غوزىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غوزا ھاسىل قىلماق، غوزا تۇتماق:[مىسال:] 7-ئاينىڭ كىرىشى بىلەن كېۋەزلەر غوزىلاشقا باشلىدى.

غوڭ

  • غوڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ھەرە قاتارلىقلار ئۇچقاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

غوڭشىتماق

  • غوڭشىتماق[يەشمىسى:] «غوڭشىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غوڭشىشماق

  • غوڭشىشماق[يەشمىسى:] «غوڭشىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غوڭشىماق

  • غوڭشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «غوڭ-غوڭ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «غوڭ-غوڭ» قىلماق.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىدىن نارازى بولۇپ ئۆز-ئۆزىگە گەپ قىلماق، غودۇڭشىماق:[مىسال:] ئامانگۈل مۇدىر بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا بۇغداينىڭ ئارىسىغا بېشىنى چۆكۈرۈۋالغان سۇلتان نېمىلەرنىدۇر دەپ غوڭشىدى.

غوڭ-غوڭ

  • غوڭ-غوڭ[يەشمىسى:] «غوڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

غوڭقا

  • غوڭقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىر خىلى.

غوڭڭىدە

  • غوڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «غوڭ» قىلغان ھالدا، «غوڭ» قىلىپ.

غوڭۇلداتماق

  • غوڭۇلداتماق[يەشمىسى:] «غوڭۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ سۆز تراكتورنىڭ ئاۋازىدەك ئۇنىڭ قۇلاقلىرىنى غوڭۇلدىتىۋەتتى.

غوڭۇلداشماق

  • غوڭۇلداشماق[يەشمىسى:] «غوڭۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] خەلق توپى «ئاللا-توۋا» دېيىشىپ، ئۇۋىسى چۇۋۇلۇپ كەتكەن ھەسەل ھەرىلىرىدەك غوڭۇلدىشىپ كەتتى.

غوڭۇلداق

  • غوڭۇلداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غوڭۇلداپ ئاۋاز چىقىرىدىغان ئىچى كاۋاك بىر خىل ئويۇنچۇق.

غوڭۇلدىماق

  • غوڭۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غوڭ-غوڭ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «غوڭ-غوڭ» قىلماق:[مىسال:] ھايال ئۆتمەي ھەرە غوڭۇلداپ ئۇچقىنىچە بەختىنىڭ ئالدىدا ھازىر بوپتۇ.

غول Ⅰ

  • غول Ⅰ[يەشمىسى:] ①[يەشمىسى:] [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوڭ مۈرىباشتىن سول مۈرىباشقىچە بولغان ئارىلىق ياكى دۈمبىنىڭ يۇقىرى قىسمى:[مىسال:] غولى ئاپتاپ كۆرمىگەن. غولى كەڭ. * بۇ كىشىنىڭ كەڭ كەلگەن غوللىرىغا، يوغان ئاياغلىرىغا قاراپ، بۇرۇن ناھايىتى بەستىلىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈك تېنىنىڭ بىر قىسمى. تۆرەلمە بىخىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. تۆۋەنكى قىسمى يىلتىز بىلەن تۇتىشىدۇ، يۇقىرىقى قىسمىدا يۇپۇرماق، گۈل، مېۋە ئۆسىدۇ:[مىسال:] دەرەخ غولىدىن سۇنماس، شېخىدىن سۇنار(ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇغا مۈڭگۈزىنىڭ باشتىن ئۆسۈپ چىققان ئاساسىي قىسمى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] قوشۇن ۋە سەپنىڭ مەركىزىي، ئاساسىي قىسمى:[مىسال:] بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا، قوشۇننىڭ غولىدا تۇرۇپ جەڭ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كارامەتلىرىنى كۆرسىتىشتى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئومۇمىيلىق ئىچىدە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان ياكى مۇھىم، ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان؛ ئاساسىي؛ مەركىزىي:[مىسال:] غول ئۆستەڭ. غول ئېرىق.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى تاغ ياكى يار ئارىسىدىكى بوشلۇق، چوڭ جىلغا؛ سۇ يولى:[مىسال:] دۈشمەن ئالدىنىپ غول ئىچىگە كىرگەندە، تاغلىقلار تەرەپ-تەرەپتىن توسۇپ زەربە بېرىدۇ.

غولى ئاپتاپ كۆرمىگەن

  • غولى ئاپتاپ كۆرمىگەن[يەشمىسى:] كۆپ جاپا تارتمىغان، كۆپ ئەمگەك قىلمىغان، تەييارنى يەپ چوڭ بولغان:[مىسال:] رەپىق ئاكىنىڭ غولى ئاپتاپ كۆرمىگەن بۇ باخشىنىڭ ئالدىدا بىر ماختىنىۋالغۇسى كەلگەنىدى.

غول ياغاچ

  • غول ياغاچ[يەشمىسى:] كىگىزچىلىك دۇكىنىدىكى قورساق، سوڭباغ، سوسەي بېغى قاتارلىقلار ئورنىتىلغان ئۇزۇن ياغاچ.

غولⅡ

  • غولⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپ، جىق، مول:[مىسال:] سۈيۈڭ غول، ھوسۇلۇڭ مول (ماقال).

غولⅢ

  • غولⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① ئۆستەڭ، دەريا، ئېقىن.[يەشمىسى:] ② تەكتى، ئەسلى.[يەشمىسى:] ③ دۈمبە.

غولاسەن

  • غولاسەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چوڭ، گەۋدىلىك، قامەتلىك.

غولچېچى

  • غولچېچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]غول+چاچ+ئى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ياپوروتنىكلارنىڭ بىر تۈرى. يوپۇرمىقى قارا بىنەپشە رەڭدە پارقىراق ۋە ئۈچ بۇرجەك شەكلىدە بولىدۇ. سېپى ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن كېلىدۇ. تېبابەتچىلىكتە دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، ئىسسىتمىنى قايتۇرۇش، زەھەرنى كېسىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئىششىقنى ياندۇرۇش روللىرىغا ئىگە. ئۇنى يەنە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

غولدا

  • غولدا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توملۇقى ئادەمنىڭ بىلىكىدەك، ئۇزۇنلۇقى بىر غۇلاچتىن ئۇزۇن بولغان ياغاچ، كالتەك.

غولداتماق

  • غولداتماق[يەشمىسى:] «غولدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سېنىڭ بۇ قويلارنى بېقىپ غولدىتىش ھەققىڭلا باركى، ئۇنى ئىشلىتىش، بىر تەرەپ قىلىش تەشكىلنىڭ ئىشى.

غولداشماق

  • غولداشماق[يەشمىسى:] «غولدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غولدۇر

  • غولدۇر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مەلۇم ئوزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلغاندا ئۇلارنىڭ زىيان قىلىشى ياكى باشقا سەۋەبتىن قورساقتىن چىققان ئاۋاز.

غولدۇر-غولدۇر

  • غولدۇر-غولدۇر[يەشمىسى:] «غولدۇر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

غولدۇرلاتماق

  • غولدۇرلاتماق[يەشمىسى:] «غولدۇرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سۇ قورساقنى غولدۇرلىتىۋەتتى.

غولدۇرلاشماق

  • غولدۇرلاشماق[يەشمىسى:] «غولدۇرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غولدۇرلىماق

  • غولدۇرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غولدۇر-غولدۇر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «غولدۇر-غولدۇر» قىلماق:[مىسال:] قورسىقى غولدۇرلىماق. * بىركىمگە قول سوزۇپ، بىرەر پۇڭ پۇل، بىرەر چىشلەم نان تىلەپ، توختىماي غولدۇرلاۋاتقان قورسىقىنى ئارام ئالدۇرۇش ئۇنىڭغا نومۇس تۇيۇلدى.

غولدىماق

  • غولدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆپەيمەك، ئاۋۇماق، جىقلىماق:[مىسال:] نامايىشچىلار ئاستا-ئاستا غولداشقا باشلىدى.

غولسىز

  • غولسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غولى يوق، غول تارتمايدىغان:[مىسال:] غولسىز ئۆسۈملۈك.

غوللۇق

  • غوللۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① غولى بار، غول تارتقان:[مىسال:] غوللۇق ئۆسۈملۈك. *پىرامىدىنىڭ ئۈستىدە خۇددى زىننەت تاجىسىدەك كۆركەم قىزىل غوللۇق چۆل گۈللىرى كۆز چاقنىتىپ جۇلالىناتتى.[يەشمىسى:] ② گەۋدىلىك، بەستىلىك، گروي، يوغان:[مىسال:] غوللۇق ئادەم. * مەنسۇر 45 ياشلاردىكى غوللۇق، ئوتتۇرا بوي، قويۇق قارا بۇرۇتلۇق، ساغلام ئادەم ئىدى.[يەشمىسى:] ③ ئاساسلىق، مۇھىم:[مىسال:] زۇنۇن قادىر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى غوللۇق يازغۇچىلارنىڭ بىرى.

غوللىماق

  • غوللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غولدىماق»قا قاراڭ.

غوۋغا (غوۋغاسى)

  • غوۋغا (غوۋغاسى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۇرۇش-جېدەل، ماجىرا؛ قىيا-چىيا:[مىسال:] غوۋغا چىقارماق. غوۋغا كۆتۈرمەك.

غوۋغاچى

  • غوۋغاچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تولا جېدەل-ماجىرا قىلىدىغان كىشى، جېدەلخور:[مىسال:] ھازىرقى شارائىتتا، ئۇنداق غوۋغاچىلارغا سىلەرنىڭ زاۋۇتتا بازار يوق ئىكەن.

غوۋغاسىز

  • غوۋغاسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غوۋغاسى يوق، غوۋغا چىقارماي، تىنچ:[مىسال:] ئاز ئېشىم-غوۋغاسىز بېشىم (ماقال). ئۇ بالدۇر كېلىپ قالسا ئۇنى يوقاتماي ئىلاج يوق. ئىلاجى بار غوۋغاسىز ئىش قىلغىنىمىز ياخشى.

غوۋغالاشماق

  • غوۋغالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غوۋغا پەيدا قىلماق، غوۋغا چىقارماق، غوۋغا كۆتۈرمەك:[مىسال:] غوۋغالىشىپ قالماق.

غوۋغالىق

  • غوۋغالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غوۋغا كۆتۈرۈلگەن، غوۋغا پەيدا بولغان:[مىسال:] غوۋغالىق جاي.

غۇبار

  • غۇبار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① چاڭ، توزان:[مىسال:] ماڭا سۇلتان بولۇپ يات ئەلدە يۈرمەكتىنمۇ مىڭ ئەلا، سېنىڭ باغرىڭدا بىر ئۇلتاڭ بولۇپ سۆيمەك غۇبارىڭنى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر كۆڭۈلسىز ھادىسىلەرنىڭ قالدۇق تەسىرى، داغ:[مىسال:] ئاڭلىسام نەغمەڭنى مەن، قالماس دىلىمدا غەش-غۇبار، سايرىساڭ سەن نەدە، شۇ يەر مىسلى ئۇچماق بولبۇلۇم.

غۇبارسىز

  • غۇبارسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چاڭ-توزانسىز، چاڭ-توزان بولمىغان، قونمىغان:[مىسال:] ئانا بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ غۇبارسىز كۆكتە ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان قارلىغاچلارغا قارىدى.[يەشمىسى:] ② ساپ، پاك:[مىسال:] ئۇستازىم، سىز مېنى ۋە ماڭا ئوخشاش ياش ئۆسمۈرلەرنى مېھرىبانلىق بىلەن قولىمىزدىن يېتىلەپ بىلىم باغچىسىغا جەلپ قىلدىڭىز، غۇبارسىز كۆڭۈللەرگە بىلىم-ئەقىلدىن ئوزۇق بەردىڭىز.

غۇپ

  • غۇپ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] سۇيۇق نەرسىلەرنى يۇتقاندا چېقىدىغان ئاۋاز.

غۇپپىدە

  • غۇپپىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «غۇپ»قىلغان ھالدا «غۇپ»قىلىپ:[مىسال:] كېرىم ئالدىدىكى رومكىنى قولىغا ئېلىپ، بىر پەس تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىكى ھاراقنى غۇپپىدە ئىچىۋەتتى-دە، توختىغا قاراپ سۆزلىدى.

غۇپ-غۇپ

  • غۇپ-غۇپ[يەشمىسى:] «غۇپ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇ سۇنى غۇپ-غۇپ ئىچىۋەتتى.

غۇجۇم

  • غۇجۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سېپىدىن ئاجراپ كەتكەن ئۇۋاق ئۈزۈم.

غۇچ

  • غۇچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىر يەرگە توپلانغان، كاللەكلەنگەن، يىغىلغان، زىچ.[يەشمىسى:] ② پۈتۈنلەي، ھەممىسى:[مىسال:] پىۋا غۇچ ئوزۇق، كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ.

غۇچچىدە

  • غۇچچىدە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] زىچ ھالدا:[مىسال:] پارنىكتا ئۆستۈرۈپ، قوغۇنلۇققا يانداپ كۆچۈرۈلگەن شوخلا، لازىلارمۇ تېزلا ئاينىپ، غۇچچىدە چېچەكلىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جىقلا، نۇرغۇن:[مىسال:] ئەكبەر ياخشى مەرگەن ئىكەن، بىزگە يەنە بەش-ئالتە كۈن ئوۋلاپ بەرسە، قاۋاندىن 10 20 نى ئېتىۋالساق... غۇچچىدە پۇل بولاتتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەممىسى، پۈتۈنلەي:[مىسال:] چارۋىچى ماركونىڭ كۈلۈۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا:[مىسال:] بۇ قوينى كۆرۈنۈشى سەت ئىكەن دەپ قالما، ئۇنىڭ گۆشى سېمىز ۋە يۇمشاق، بەكمۇ تاتلىق، بولۇپمۇ قۇيرۇقىنى قازانغا سالغاندا، غۇچچىدە ماي چىقىدۇ، دېدى.

غۇچچۇق

  • غۇچچۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قىچىق.

غۇچۇر

  • غۇچۇر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] سىلىق، قاتتىق نەرسىلەرنىڭ بىر-بىرىگە سۈركىلىشىدىن چىققان ئاۋاز.

غۇچۇر-غۇچۇر

  • غۇچۇر-غۇچۇر[يەشمىسى:] «غۇچۇر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

غۇچۇرلاتماق

  • غۇچۇرلاتماق[يەشمىسى:] «غۇچۇرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يۈزىدە سەپكۈنى بار، ئالتۇن چىشلىق ئادەم چېقىر كۆزلىرىنى ھەدەپ چىمچىقلىتىپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، پۇشۇلداپ ئېغىر ھاسىرايتتى.

غۇچۇرلىتىشماق

  • غۇچۇرلىتىشماق[يەشمىسى:] «غۇچۇرلاتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىشىپ، كۆزلىرىنى چەكچەيتىشىپ، چايناپ يۇتۇۋەتكۈدەك ئەلپازدا تۇراتتى.

غۇچۇرلىماق

  • غۇچۇرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غۇچۇر-غۇچۇر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «غۇچۇر» قىلماق:[مىسال:] بۇ ئىسىمنى ئاڭلاش بىلەنلا، ئابىدەمنىڭ تېنى «جۇغغىدە» قىلىپ، چىشلىرى غەزەپتىن غۇچۇرلىدى.

غۇدۇراتماق

  • غۇدۇراتماق[يەشمىسى:] «غۇدۇرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غۇدۇراشماق

  • غۇدۇراشماق[يەشمىسى:] «غۇدۇرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇنى كۆرگەن بىرقانچە كىشى ئىشنى توختىتىپ:[مىسال:] «نېمىشقىمۇ چىققان بولغىدۇق»دىيىشىپ خىلى ۇدۇراشتى.

غۇدۇرىماق

  • غۇدۇرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتىن نارازى بولۇپ، ئاللىنېمىلەرنى دەپ ئۆز-ئۆزىگە گەپ قىلماق؛ غوتۇلدىماق:[مىسال:] ئەپكەشچى غەزەپ بىلەن غۇدۇراپ ئۇلارنى تىللاپ 50 60 قەدەمچە ماڭغاندىن كېيىن چوڭ يولدىن چىقىپ چىغىر يولنى بويلاپ يۈرۈپ كەتتى.

غۇدۇق-بۇدۇق

  • غۇدۇق-بۇدۇق[يەشمىسى:] دۇدۇقلاش ھالىتى.

غۇر

  • غۇر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ تېز ھەرىكىتى ياكى شامالدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] گايىت يېنىمدىن غۇرلا قىلىپ ئۆتۈپ دەرۋازىنى پۇتى بىلەن قاتتىق تەپتى.

غۇربەت

  • غۇربەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① يوقسۇزلۇق، كەمبەغەللىك، نامراتلىق:[مىسال:] تىرىكلەر چۆرى-قۇل، ئىت ئورنىدا خار، ئۆزىنىڭ يۇرتىدا غۇربەتكە دۇچار.[يەشمىسى:] ② مۇساپىرلىق، غېرىبلىق:[مىسال:] كەمىنىلىرى غۇربەتتە يۈرۈپ، ھاياتىمدا ئاتا-ئانامنى كۈتەلمىدىم.

غۇربەتچىلىك

  • غۇربەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غۇربەت قاپلىغان ھالەت، غۇربەتلىك كۈن؛ يوقسۇزلۇق، نامراتلىق، مۇساپىرلىق:[مىسال:] قادىرنىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرى ئېغىر كۈلپەت ۋە غۇربەتچىلىكتە ئۆتتى.

غۇربەتسىرىماق

  • غۇربەتسىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غۇربەتچىلىك ھېس قىلماق، غۇربەتچىلىك ئىچىدە قالماق:[مىسال:] تال بېشىدا تۇرىدۇ بىر قوڭغۇراق، تاڭدا يامغۇر، يادىدا غۇربەتسىراپ، كۆزىدىن ئاقماقتا ياش تارام-تارام، تىلى لال، كۆڭلى سۇنۇق باغرى كاۋاپ.

غۇربەتلەشمەك

  • غۇربەتلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غۇربەتچىلىكتە قالماق، غۇربەتچىلىكتە ياشىماق؛ نامراتلاشماق، كەمبەغەللەشمەك:[مىسال:] شۇ كۈنلەردە ئانام ئاغرىق، دادام ئىشسىز بولغاچقا بىز بەك غۇربەتلىشىپ كەتتۇق.

غۇربەتلىك

  • غۇربەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غۇربەتچىلىككە تولغان، غۇربەتچىلىك قاپلىغان، غۇربەتلەشكەن:[مىسال:] غۇربەتلىك تۇرمۇش. غۇربەتلىك كۈنلەر. ئالما چېچىكى باغدا، يۇلغۇن چېچىكى سايدا. يار ئايرىلىمەن دەيدۇ، غۇربەتلىك يامان چاغدا.

غۇرت

  • غۇرت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] سۇيۇق نەرسىلەرنى تېزرەك يۇتقاندا چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] غۇرت قىلىپ يۇتماق. ئۇ تۈكۈرۈكىنى «غۇرت» قىلىپ يۇتىۋېتىپ: ھەي خەيرىنىسا، بىر چۆگۈن چاي دەملىگىنە، دېدى.

غۇرتەك

  • غۇرتەك[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يۇتۇم، ئوتلام.

غۇرتتىدە

  • غۇرتتىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «غۇرت» قىلغان ھالدا، «غۇرت» قىلىپ:[مىسال:] توينى قاچان قىلىمىز دېمەكچىمۇسەن دېدى تۇراپ شۇجى ئاغزىدىكى ئاشنى غۇرتتىدە يۇتۇۋېتىپ.

غۇرت-غۇرت

  • غۇرت-غۇرت[يەشمىسى:] «غۇرت» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] سۇلايمان بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى چىشى بىلەن ئاچتى-دە، ئوڭدا يېتىپ غۇرت-غۇرت قىلىپ ئىچىشكە باشلىدى.

غۇرتۇلداتماق

  • غۇرتۇلداتماق[يەشمىسى:] «غۇرتۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ھاراقنى ئۈستەلگە ۋە كىيىملىرىگە تۆكۈپ، غۇرتۇلدىتىپ ئىچتى.

غۇرتۇلداشماق

  • غۇرتۇلداشماق[يەشمىسى:] «غۇرتۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غۇرتۇلدىماق

  • غۇرتۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غۇرت-غۇرت» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «غۇرت-غۇرت» قىلماق.

غۇررەك

  • غۇررەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەتلەس توقۇش دۇكىنىدىكى قاش بېغىنى ئۆرۈشكە ئۇلايدىغان يىپلىق ياغاچ ھالقا.

غۇررىدە

  • غۇررىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «غۇر» قىلغان ھالدا، «غۇر» قىلىپ:[مىسال:] ماشىنا يېنىمدىن غۇررىدە ئۆتۈپ كەتتى.

غۇر-غۇر

  • غۇر-غۇر[يەشمىسى:] «غۇر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] قۇيۇق سايە تاشلاپ تۇرغان قېرى ياڭاق تۈۋى غۇر-غۇر سالقىن شاماللىق ۋە ئارام بەخشلىك ئىدى.

غۇرقىراتماق

  • غۇرقىراتماق[يەشمىسى:] «غۇرقىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غۇرقىراشماق

  • غۇرقىراشماق[يەشمىسى:] «غۇرقىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غۇرقىرىماق

  • غۇرقىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غۇر-غۇر» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «غۇر-غۇر» قىلماق:[مىسال:] ئەتراپ يوپيورۇق ئىدى. كېچىنىڭ سوغۇق شامىلى غۇرقىرايتتى.

غۇرۇر

  • غۇرۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشىنىڭ ئۆز قەدىر-قىممىتىنى بىلىش ھېسىي، ئىززىتى-نەپسى:[مىسال:] دادىڭىز ھەقىقەتەنمۇ غۇرۇرى بار، توغرا يول بىلەن ياشاشقا ئېتىقاد قىلغان ئادەم ئىدى.[يەشمىسى:] ② كىشىلەرنىڭ بىرەر نەرسىدىن مەمنۇن بولۇش ھېسسىياتى؛ پەخىر، ئىپتىخار:[مىسال:] تۆمۈر خەلپە غالىب سەركەردىلەرگە خاس غۇرۇر ۋە سالاپەت بىلەن يىگىتلىرىنى باشلاپ قورايغا قايتقاندا، خەلق توپى خۇددى توي تارتىپ كەلگەن يىگىتلەرنى قارشى ئالغاندەك، ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.[يەشمىسى:] ③ كىشىلەر پەخىرلىنىشكە ئاساس بولىدىغان نەرسە:[مىسال:] مەھمۇت قەشقىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ غۇرۇرى.

غۇرۇرلانماق

  • غۇرۇرلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غۇرۇرى قوزغالماق، پەخىرلەنمەك:[مىسال:] ساناقسىز مال-مۈلكۈڭگە ئىشەنمە، ھېچ غۇرۇرلانما، ۋەتەن خەلقىڭگە خىزمەت قىل، ئۇلۇغ تۆھپەڭ بىكار بولماس.

غۇرۇرلۇق

  • غۇرۇرلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غۇرۇرى بار، غۇرۇرىنى ساقلايدىغان:[مىسال:] ئۇ ئىنتايىن غۇرۇرلۇق ئادەم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز قەدىر-قىممىتىنى بىلىش:[مىسال:] -ئۇ ناخشىچىمىزنىڭ ھەقىقەتەن ماختىغۇچىلىكى بار، -جانلىنىپ جاۋاب بەردى ئابلىز ۋە چىرايىدا ئىللىق، غۇرۇرلۇق تۇيغۇسى جىلۋە قىلدى.

غۇژ

  • غۇژ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① مەلۇم نەرسىلەرنىڭ بىر يەرگە بىراقلا، تېز يىغىلىش ھالىتىنى ئىپادىلەشتە قوللىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② ھەرە، چىۋىن قاتارلىقلارنىڭ بىر يەرگە تېز يىغىلىشىدىن چىقىدىغان ئاۋاز.

غۇژژىدە

  • غۇژژىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① «غۇژ» قىلغان ھالدا، «غۇژ» قىلىپ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىردىنلا تېزلا:[مىسال:] مېنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقىم كېلىپ، چېكە تۇمۇرلىرىم لوقۇلداپ كەتتى.

غۇژ-غۇژ

  • غۇژ-غۇژ[يەشمىسى:] «غۇژ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

غۇژغۇن

  • غۇژغۇن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① تېز ئاچچىقى كېلىدىغان، سەپرا.[يەشمىسى:] ② زىچ، قويۇق.

غۇژمەك

  • غۇژمەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر يەرگە يىغىلغان، توپلانغان؛ توپ:[مىسال:] سەلىمە ئۇنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ غۇژمەك بولۇپ ئۆسكەن يۇلغۇننىڭ دالدىسىغا ئېلىپ باردى، ئىككىسى بوراندا ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرۇشتى.

غۇژمەك-غۇژمەك

  • غۇژمەك-غۇژمەك[يەشمىسى:] بىر قانچە غۇژمەك:[مىسال:] بىر ئېتىزدا غۇژمەك-غۇژمەك قىزىرىپ كەتكەن پەمىدۇر، يەنە بىرىدە لازا ۋە تەرخەمەكلەر، بار ئىدى.

غۇژمەكلەشتۈرمەك

  • غۇژمەكلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «غۇژمەكلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غۇژمەكلەشتۈرۈلمەك

  • غۇژمەكلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «غۇژمەكلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

غۇژمەكلەشمەك

  • غۇژمەكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غۇژمەك ھالەتكە كەلمەك، غۇژمەك بولماق:[مىسال:] ياش ئۇچقۇنلار ھەيدىلىپ تۆت كوچا ئاغزىغا كەلگەندە ئۆز-ئۆزىدىن غۇژمەكلىشىپ، بىرلەشكەن چوڭ گەۋدە شەكلىگە كىرىپ قالدى.

غۇژمەكلەنمەك

  • غۇژمەكلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غۇژمەكلەشمەك»كە قاراڭ.

غۇژۇلداتماق

  • غۇژۇلداتماق[يەشمىسى:] «غۇژۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غۇژۇلداشماق

  • غۇژۇلداشماق[يەشمىسى:] «غۇژۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غۇژۇلدىماق

  • غۇژۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غۇژ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «غۇژ-غۇژ» قىلماق:[مىسال:] بالا قولى بىلەن چىۋىنلەرنى قورۇيتتى، لېكىن غۇژۇلداشقان چىۋىنلەر ئۇنى بىئارام قىلىپ قىيناۋاتاتتى.

غۇسسە

  • غۇسسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] غەم، قايغۇ، ھەسرەت، ئەلەم:[مىسال:] بوۋايلار تىلىدىن ئاڭلىدىم قىسسە، زەخمەتلىك يۈرەكلەردە ئەلەم ۋە غۇسسە.

غۇسۇل

  • غۇسۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پۈتۈن بەدىنىنى يۇيۇش، يۇيۇنۇش:[مىسال:] غۇسۇل قىلماق.

غۇسۇل-تاھارەت

  • غۇسۇل-تاھارەت[يەشمىسى:] غۇسۇل ۋە تاھارەت:[مىسال:] سودىگەر بىر چۆگۈن سۇ بەردى. مەلىكە غۇسۇل-تاھارەت ئېلىپ سەجدىگە باش قويدى.

غۇلاتماق

  • غۇلاتماق[يەشمىسى:] «غۇلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] زامان-زامانلاردىن بۇيان، خەلق «چاقچاق» بىلەن زۇلۇمغا خەنجەر ئاتقان، مەسخىرە كۈلكىسى بىلەن ئەخمەقلەر ھەيۋىسىنى غۇلاتقانىدى.

غۇلاچ

  • غۇلاچ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى قولنى ئىككى يانغا تۈز قىلىپ كەرگەندە بىر قولنىڭ ئۇچىدىن يەنە بىر قولنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىق:[مىسال:] غۇلىچىمنى كېرىپ كۈچ بىلەن يۈزىگە ئۇرۇۋەتتىم. ئۇ ئارقىچە سەنتۈرۈلۈپ بېرىپ ئوڭدا يىقىلدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن بىللە كېلىپ غۇلاچقا تەڭ ئارىلىقنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر غۇلاچ ئارغامچا.

غۇلاچ تاشلىماق

  • غۇلاچ تاشلىماق[يەشمىسى:] ① غۇلىچىنى ئالدىغا تاشلاپ ھەرىكەت قىلماق، غۇلاچ ئاتماق:[مىسال:] ئۇ ئۆركەشلەپ تۇرغان دەريادىن غۇلاچ تاشلاپ ئۈزۈپ ئۆتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىلگىرىلىمەك، ئالغا باسماق:[مىسال:] بىز ئورتاق ھالدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە غۇلاچ تاشلىشىمىز كېرەك.

غۇلاچلاتماق

  • غۇلاچلاتماق[يەشمىسى:] «غۇلاچلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئارغامچىنى غۇلاچلىتىپ كۆرۈۋىدى، توپتوغرا ئون غۇلاچ چىقتى.

غۇلاچلاشماق

  • غۇلاچلاشماق[يەشمىسى:] «غۇلاچلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] نېمە ئۈچۈندۇر ئۇلار تاملارنى غۇلاچلىشىۋاتاتتى.

غۇلاچلانماق

  • غۇلاچلانماق[يەشمىسى:] «غۇلاچلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

غۇلاچلىق

  • غۇلاچلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غۇلاچ كېلىدىغان:[مىسال:] بەش غۇلاچلىق ئارغامچا.

غۇلاچلىماق

  • غۇلاچلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① غۇلىچىنى كەڭ كېرىپ ئالدىغا تاشلىماق، غۇلاچ ئاتماق:[مىسال:] غۇلاچلاپ سۇ ئۈزمەك.[يەشمىسى:] ② غۇلاچ بىلەن ئۆلچىمەك:[مىسال:] -ئۇكام ماۋۇ تانىنى غۇلاچلاپ قوي، كېيىن بىزمۇ ئۆتنىسىنى غۇلاچلاپ قايتۇرىمىز، دېگەنىدى ئاكام ماڭا.

غۇلاش

  • غۇلاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] تاغ جىنسلىرىنىڭ فىزىكىلىق يىمىرىلىش تەسىرىدە يېرىلىپ، پارچىلىنىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

غۇلاشماق

  • غۇلاشماق[يەشمىسى:] «غۇلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غۇلام

  • غۇلام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[كونا[يەشمىسى:] ① ئوردا، سارايلاردا خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچى:[مىسال:] غۇلاملار ئۇنى ئۇدا ئون كۈن ئىزدىدى.[يەشمىسى:] ② قۇل:[مىسال:] ھەر تەرەپتىن بايلار غۇلاملىرىنى ئېلىپ كەلدى. ھېچقايسى غۇلام ئەمىرلەرگە يارىمىدى.[يەشمىسى:] ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

غۇلجا

  • غۇلجا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئەركەك ئارقار. مۈڭگۈزى چوڭ، ئاستىغا ئېگىلگەن ۋە سەل-پەل بۇرما شەكلىدە بولىدۇ، تۈكلىرى قويۇق ھەم سەل ئۇزۇن، رەڭگى كۈل رەڭ قوڭۇر كېلىدۇ، قۇيرۇقى قىسقا، تۆت پۇتى كۈچلۈك بولىدۇ، تاغقا چىقالايدۇ.[يەشمىسى:] ② ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزىنىڭ نامى.

غۇلغۇلا

  • غۇلغۇلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر مەسىلە ئۈستىدە بىرقانچە كىشىنىڭ ئۆز ئارا قىلىشقان گەپ-سۆزى، پىكىرلىرى:[مىسال:] سايلامدا سايلىغۇچىلار نامزاتلار ئۈستىدە قايتا-قايتا غۇلغۇلا قىلىپ ۋە كېڭىشىپ، كادىرلارنى ئەستايىدىل باھالىدى.

غۇلى

  • غۇلى[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] زادى، پەقەت، ھەرگىز.

غۇلىتىشماق

  • غۇلىتىشماق[يەشمىسى:] «غۇلاتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غۇلىتىلماق

  • غۇلىتىلماق[يەشمىسى:] «غۇلاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

غۇلىماق

  • غۇلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئېگىزدىن پەسكە قاراپ چۈشمەك، ئۆرۈلمەك، يىقىلماق:[مىسال:] دەرەخ غۇلىماق. تاغ غۇلىماق. * يىگىت ئوق تېگىشى بىلەن چوڭقۇر غولغا چۈشتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەختى، ۋەزىپىسى قاتارلىقلاردىن ئايرىلماق، ئەمىلىدىن چۈشمەك؛ ئاغدۇرۇلماق، يوقىتىلماق:[مىسال:] ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۇرانىڭ كۆز يېشى گويا كەلكۈندەك بىزنى ئېقىتىپ كېتىشى مۇمكىن، خانلىقنىڭ غۇلىشىمۇ شۇنىڭ مىسالىدۇر.

غۇم

  • غۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم ئىشلار تۈپەيلىدىن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان نارازىلىق، ئاداۋەت؛ تۈگۈن، گىنە:[مىسال:] غۇم ساقلىماق.

غۇمسىنماق

  • غۇمسىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غۇم ساقلىماق:[مىسال:] ئۇ يەرلىك ھەم بۇ يەرلىكتۇر، ئىچىدە غۇمسىنىپ خەپتۇر. دىتىغا ياقمىسا ھەيدەر، قۇرۇپ كەتسۇن گۇرۇھۋازلىق.

غۇمۇكلەشمەك

  • غۇمۇكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىرلەشمەك، تىل بىرىكتۈرمەك.

غۇنان

  • غۇنان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى ياشلىق ئات.

غۇنچا

  • غۇنچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] گۈل سالىدىغان لوڭقا.

غۇنچە

  • غۇنچە[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تېخى ئېچىلمىغان ياكى بەرگلىرى تېخى يېتىلمىگەن گۈل، گۈل تۈگۈنى:[مىسال:] قىز پىسسىڭڭىدە كۈلۈۋېدى، ئۇنىڭ ئالۇچىدەك قىزىل كالپۇكلىرى يېڭى ئېچىلىۋاتقان قىزىلگۈلنىڭ غۇنچىسىغا ئوخشاپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياش؛ يېڭى:[مىسال:] گۈل دىيارى، غۇنچە قەلبى تۇتاش تومۇر، بۇلبۇل بولۇپ ئۇندىن كەتمەس باھار، جەڭچى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چىرايلىق، كېلىشكەن، زىلۋا: غۇنچە بوي.

غۇنچىلىماق

  • غۇنچىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غۇنچە تۈگمەك، غۇنچە چىقارماق:[مىسال:] بۇ ياخشى كۆرۈش دوستلۇق يىلتىزىدىن ئۈنۈپ چىققان مۇھەببەت گۈلىنىڭ غۇنچىلىشى بولسا كېرەك.

غۇنچىئۈزۈم

  • غۇنچىئۈزۈم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]غۇنچە+ئۈزۈم[[كەسىپ تۈرى:]>[يەشمىسى:] بوت<ئۈزۈم ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسۈپ، ئالىقانسىمان يېرىلىدۇ، گۈلى سۇس يېشىل، گۈل رېتى كونۇس شەكىللىك بولۇپ، يوپۇرمىقىنىڭ ئۇدۇلىدا ئۆسىدۇ، مېۋىسى كىچىك، شىرنىلىك، جىگەر رەڭدە بولىدۇ.مېۋىسى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، تاش بەدەننى تازىلاپ، قىزىلنى سىرتقا تەپتۈرۈش، سۈيدۈكنى ھەيدەپ، زەھەرنى تارقىتىۋېتىش روللىرىغا ئىگە.

غۇندەك

  • غۇندەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆرۈكنىڭ بىر خىل سورتى، مېۋىسىنىڭ شەكلى يۇمىلاق، كۆكۈچ سېرىق بولۇپ، پوستى نېپىز، سۇلۇق، بالدۇر پىشىدۇ. مېغىزى تاتلىق.

غۇنىجىن

  • غۇنىجىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈچ ياشلىق چىشى كالا، ئىنەك.

غۇۋا

  • غۇۋا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① روشەن ئەمەس، تۇتۇق، گۇڭگا:[مىسال:] ھاجى ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ كىرسىن لامپىنى ياقتى-دە، ئۇنىڭ غۇۋا يورۇقىغا قاراپ ئولتۇرۇپ خىيالغا كەتتى.[يەشمىسى:] ② روشەن، ئېنىق كۆرۈنمەيدىغان:[مىسال:] غۇۋا كۆلەڭگە.

غۇۋالاشتۇرماق

  • غۇۋالاشتۇرماق[يەشمىسى:] «غۇۋالاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] خەلىچىخان ھەدە پانارنىڭ يورۇقىنى سەل غۇۋالاشتۇرۇپ سەلىمىگە قاراپ پىچىرلىدى.

غۇۋالاشتۇرۇلماق

  • غۇۋالاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «غۇۋالاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] پىلىك پەسەيتىلىپ لامپا يورۇقى سەل-پەل غۇۋالاشتۇرۇلدى.

غۇۋالاشماق

  • غۇۋالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غۇۋا ھالەتكە كەلمەك، سەل قاراڭغۇلاشماق:[مىسال:] ئارقا-ئارقىدىن تېگىۋاتقان مۇشت، پەشۋالارنىڭ زەربىسىدىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا غۇۋالىشىپ ھوشىدىن كەتتى.

غۇۋالىق

  • غۇۋالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غۇۋا ھالەت، تۇتۇقلۇق، گۇڭگىلىق:[مىسال:] خىيالدىن كاللىغا كەپتۇ بىر گۇمان، قاپلاپتۇ كۆڭلىنى غۇۋالىق، تۇمان.

غۇي

  • غۇي[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ماشىنا قاتارلىق قاتناش قوراللىرىنىڭ تېز ئۆتۈشى ياكى شامالنىڭ تېز ھەرىكىتىدىن پەيدا بولغان ئاۋاز.

غۇي-غۇي

  • غۇي-غۇي[يەشمىسى:] «غۇي» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] غۇي-غۇي شامال.

غۇيۇلداتماق

  • غۇيۇلداتماق[يەشمىسى:] «غۇيۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غۇيۇلداشماق

  • غۇيۇلداشماق[يەشمىسى:] «غۇيۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غۇيۇلدىماق

  • غۇيۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غۇي-غۇي» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «غۇي-غۇي» قىلماق:[مىسال:] ھەربىي ماشىنا غۇيۇلداپ مېڭىپ كەتتى.

غۇيياڭشىماق

  • غۇيياڭشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] غۇيۇلدىماق.

غۇييىدە

  • غۇييىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «غۇي» قىلغان ھالدا، «غۇي» قىلىپ:[مىسال:] ئۇ ئاتقان تاش غۇييىدە يېنىمدىن ئۆتۈپ تامغا تەگدى.

غې

  • غې[يەشمىسى:] «غ» ھەرپىنىڭ نامى.

غېجەك

  • غېجەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ كامانچە بىلەن چالىدىغان بىر خىل چالغۇ ئەسۋابى. بېشى سىلىندىر شەكلىدە بولۇپ، بىر تەرىپىگە تېرە كېرىلىدۇ. باش قىسمى كۆپرەك يۇپقا تۆمۈر ياكى سەل قېلىن قەلەيدىن ياسىلىدۇ. سۈركەپ چېلىنىدىغان ئادەتتىكى سىم تاردىن باشقا بىرقانچە رېزونانس پەيدا قىلىدىغان سىملار تارتىلىدۇ. 50-يىللاردىن كېيىن ئۆزگەرتىپ ياسالغانلىرىنىڭ تۆت تارى بولىدۇ. بېشى يۇمىلاق بولۇپ تاۋۇزغا ئوخشاپ قالىدۇ. دەستىسى ئىسكىرىپكىنىڭ دەستىسىدىن ئۇزۇنراق بولۇپ، ئۇچىدا يۇمىلاق قۇببىسى بولىدۇ. e,a,d,G لاردا سازلىنىدۇ.

غېجەكچى

  • غېجەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غېجەك چالىدىغان ئادەم.

غېجىر

  • غېجىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «غېجىر سالۋا»غا قاراڭ.

غېجىر سالۋا

  • غېجىر سالۋا[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] تاپ يەيدىغان بىر خىل قۇش. تېنى چوڭ ۋە ھەممە يېرى قارا قوڭۇر كېلىدۇ، باش ۋ بويۇن قىسمى يالىڭاچ بولۇپ، ئازراق تىۋىتلىرى بولىدۇ، تۇمشۇقى چوڭ، ئەگمەچ ۋە ئۆتكۈر كېلىدۇ، تاپ ۋە ئۇششاق ھايۋانلار بىلەن ئۇزۇقلىنىدۇ.

غېدىر

  • غېدىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ساپال قاچا، ساپال چىنە:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزدىن يوقالغانلىقىنى كۆرگەن كانچىلار كۈلۈشكەن پېتى چۆچەك، غېدىرلىرىنى ئېلىشىپ تاش گەمىنىڭ يېنىدا ئېسىقلىق يوغان داش قازانغا قاراپ ماڭدى.

غېرىب

  • غېرىب[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇغقىنى بولمىغان، يېتىم، باش-پاناھسىز، مۇساپىر:[مىسال:] غېرىبنىڭ ھالىغا غېرىب يېتەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەمبەغەل، يوقسۇل؛ بىچارە:[مىسال:] ياق، بارمايمەن، مەندەك بىر غېرىبقا تاماشىنىڭ نېمە كېرىكى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يالغۇز، تەنھا:[مىسال:] دوستۇم سىزچۇ ئەگەر شۇ غېرىب قەبرىنى كۆرۈشنى خالىسىڭىز، يۈرۈڭ، ئۇنىڭ ئىچىنى ئېچىپ كۆرسىتەي[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىسكىن، غەمكىن:[مىسال:] ئابدۇسادىر قاسساپنى مەن ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك غېرىب ھالدا ئۇچراتمىغانىدىم.[يەشمىسى:] ⑤ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

غېرىبانە

  • غېرىبانە[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] غېرىبلارغا خاس، يېتىملارچە:[مىسال:] بۇ ئۆيدىكى موماي غېرىبانە يالغۇز بىر ئايالنى كۆرۈپ، ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە باشلاپ كىرىپ ئۇنىڭغا نان بەردى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[مىسال:] يالغۇز، نامرات:[مىسال:] ھېلىقى چاغدىكى غېرىبانە كەپىنىڭ ئىزىمۇ قالمىغانىدى.

غېرىب-بىچارە

  • غېرىب-بىچارە[يەشمىسى:] غېرىب بىچارە:[مىسال:] غېرىب-بىچارىلەرنىڭ بېشى قىسىلىماق.

غېرىبپەرۋەر

  • غېرىبپەرۋەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غېرىب-مۇساپىرلارنى يۆلەيدىغان، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغان:[مىسال:] غېرىبپەرۋەر پادىشاھ. غېرىبپەرۋەر كىشى. ∥-ئوغلۇم يەمەن دىيارىغا بارساڭ، ئۇ يەرنىڭ پادىشاھىنى خېلى مىجەزى تۈزۈك غېرىبپەرۋەر دەپ ئاڭلىدىم، -دېدى بوۋاي.

غېرىبچە

  • غېرىبچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غېرىبلار قىلغاندەك، غېرىپلارغا ئوخشاش:[مىسال:] چاپاننى غېرىبچە يېپىنماق.

غېرىبچىلاپ

  • غېرىبچىلاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] غېرىبلارغا خاس ھالدا، غېرىبلارغا ئوخشاش، غېرىبچە:[مىسال:] ئۇ چاپىنىنى غېرىبچىلاپ يېپىنىپ ئۇيقۇغا كەتتى.

غېرىبچىلىق

  • غېرىبچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «غېرىبلىق»قا قاراڭ.

غېرىبچىلىماق

  • غېرىبچىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] رەخت ياكى نەرسىلەرنى تۇمارچە شەكىلدە قىيپاش كەسمەك ياكى پۈكلىمەك، قاتلىماق، چىۋىق چىقارماق.

غېرىبخانا

  • غېرىبخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بولۇشقا تېگىشلىك سەرەمجانلار كەم بولغان، نامراتلىقى بىلىنىپ تۇرغان ئۆي:[مىسال:] ئاخشاملىرى ئۆزىنىڭ غېرىبخانىسىدا قولىغا ساتارنى ئالاتتى-دە، دەرد-ئەلەم، قايغۇ-مۇھەببەت ۋە ياكى ئىشقى-مۇسىبەت قوشاقلىرىنى ئېيتاتتى.

غېرىبسىندۇرماق

  • غېرىبسىندۇرماق[يەشمىسى:] «غېرىبسىنىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غېرىبسىنىماق

  • غېرىبسىنىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غېرىبلىق ھېس قىلماق، غېرىبلارغا ئوخشاپ قالماق، غېرىب بولۇپ قالماق:[مىسال:] غېرىبسىنىساڭ ئوتسىن (ماقال).

غېرىب-غۇرۋا

  • غېرىب-غۇرۋا[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىگە-چاقىسىز، ئاجىز-ئورۇق، يېتىم-يېسىر، مۇساپىر كىشىلەر:[مىسال:] سىز ئاۋۋال بېرىپ، ئۇ خەزىنىنى ئېچىپ ئۈچ ھەسسىنى غېرىب-غۇرۋالارغا خەير-ساخاۋەت قىلىپ بېرىڭ، دەپتۇ.

غېرىبلاشماق

  • غېرىبلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غېرىب بىر ئەھۋالغا چۈشمەك، غېرىب بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئۇ كۆپتىن بېرى ئۆزىنىڭ غېرىبلىشىپ قالغانلىقىنى سېزىپ يۈرەتتى.

غېرىبلىق

  • غېرىبلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غېرىب ھالەت، بىچارىلىك:[مىسال:] ئىنسانىيەت ھەرگىز غېرىبلىققا چۈشۈپ قالمايدۇ، چۈنكى ھايات ئالغا باسىدۇ، ئۇ ئۈمىدۋار.

غېرىب-مۇساپىر

  • غېرىب-مۇساپىر[يەشمىسى:] غېرىب ۋە مۇساپىر:[مىسال:] غېرىب-مۇساپىر، بىر كەمپىر ئىدىم، ئايرىلىپ سەندىن نەگە كېتەرمەن.

غېرىب-مىسكىن

  • غېرىب-مىسكىن[يەشمىسى:] غېرىب ۋە مىسكىن:[مىسال:] كەچ كۈزنىڭ سوغۇق شاماللىرى غېرىب-مىسكىنلەرنىڭ چىرايىدەك سارغىيىپ كەتكەن غازاڭلارنى پەرىشان ئۇچۇرۇپ يۈرەتتى.

غېرىچ

  • غېرىچ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قولنى كەرگەندە باش بارماقنىڭ ئۇچىدىن چىمچىلاق قولنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىق:[مىسال:] مېنىڭ غېرىچىم كىچىك، سەن غېرىچلا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ غېرىچقا تەڭ ئارىلىقنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بەش غېرىچ ئارىلىق.

غېرىچلاتماق

  • غېرىچلاتماق[يەشمىسى:] «غېرىچلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غېرىچلاشماق

  • غېرىچلاشماق[يەشمىسى:] ① «غېرىچلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزىدىن چوڭلار بىلەن گەپ تالاشماق، تاكاللاشماق:[مىسال:] بالام، سىز تېخى كىچىك، ئۇنداق، ھەدېگەندىلا ئاكىڭىز بىلەن غېرىچلاشماڭ، ئاكىڭىز بولمىسا، بىزنىڭ كۈنىمىز تەسلىشىدۇ، دەپ نەسىھەت قىلدى نىساخان ئانا كىچىك ئوغلىغا.

غېرىچلانماق

  • غېرىچلانماق[يەشمىسى:] «غېرىچلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] رەخت غېرىچلاندى.

غېرىچلىماق

  • غېرىچلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غېرىچ بىلەن ئۆلچىمەك:[مىسال:] ئۇ پارتىنىڭ ئېگىزلىكىنى غېرىچلاپ كۆرۈۋىدى، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى دەل كۆڭلىدىكىدەك چىقتى.

غىپ

  • غىپ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مېڭىش ھەرىكىتىنىڭ تېز ۋە يوشۇرۇنچە ئورۇندالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] غىپ قىلىپ كەتمەك.

غىپپىدە

  • غىپپىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «غىپ» قىلغان ھالدا، «غىپ» قىلىپ؛ ناھايىتى تېز، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا، ھەش-پەش دېگۈچە:[مىسال:] غىپپىدە تىكىۋەتمەك. قىز غىپپىدە باشقا بىر دەرەخنىڭ كەينىگە ئۆتتى، يىگىت قوغلىدى. غەلىتە ئادەم چۆچۈپ غىپپىدە تىكىۋەتتى.

غىپچا

  • غىپچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① جۇۋازنىڭ ياغ چىقىدىغان تۆشۈكىگە تىقىپ قويىدىغان ياغاچ.[يەشمىسى:] ② قەدىمكى زامانلاردىكى مىلتىققا ئوق-دورا سېلىپ چىڭدايدىغان ۋە مىلتىقنىڭ ئىستوۋۇلىنى تازىلايدىغان سايمان.

غىپچىدىماق

  • غىپچىدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چىڭدىماق.

غىپچىنماق

  • غىپچىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەيمەنمەك، تارتىنماق، قورۇنماق:[مىسال:] كوچىدا كېتىۋاتقان كەمبەغەللەر ئۇلارنى كۆرۈپ غىپچىنىپ، نېرىدىنلا ئات-ئۇلاغلىرىدىن چۈشۈپ، ئېگىلىپ تەزىم قىلغىنىچە ئۈن چىقارماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.

غىپ-غىپ

  • غىپ-غىپ[يەشمىسى:] «غىپ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] كېيىن يىپ ئېشىپ مومدايدىغان، غىپ-غىپ تارتىدىغان بولدى.

غىپلا

  • غىپلا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تېزلا، شەپە چىقارماستىن:[مىسال:] بۇ ئاۋاز بىلەن تەڭ مېھمانخانىنىڭ دالان ئىشىكى تۈۋىدە بىر ئايال كىشىنىڭ گەۋدىسى غىپلا قىلىپ قاراڭغۇدا كۆزدىن غايىب بولدى.

غىپىلداتماق

  • غىپىلداتماق[يەشمىسى:] «غىپىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غىپىلداشماق

  • غىپىلداشماق[يەشمىسى:] «غىپىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غىپىلدىماق

  • غىپىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غىپ-غىپ» قىلماق، «غىپ-غىپ» قىلىپ ماڭماق:[مىسال:] ھاۋاخان كەشىنى قولىغا ئالدى-دە، توپا يولنى يالاڭ ئاياغ كېچىپ غىپىلداپ ماڭغىنىچە ئۇچقاندەك كەتتى.

غىت

  • غىت[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مەلۇم نەرسىلەرنىڭ سۈركىلىشى ياكى قىسىلىشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جىم؛ چىڭ، مەھكەم، بەك:[مىسال:] غىت قىسماق.

غىت-غىت

  • غىت-غىت[يەشمىسى:] «غىت» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

غىتمەك

  • غىتمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. سەلب.[يەشمىسى:] مىجەز-خۇلقى، مېڭىش-تۇرۇشى خوتۇن-قىزلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئەر:[مىسال:] ما غىتمەكنىڭ قىلىقلىرىنى كۆرمەمدىغان، ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرۈپ.

غىتىلداتماق

  • غىتىلداتماق[يەشمىسى:] «غىتىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غىتىلداشماق

  • غىتىلداشماق[يەشمىسى:] «غىتىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غىتىلدىماق

  • غىتىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «غىت-غىت» قىلغان ئاۋاز چىقارماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىككى تېقىمىنى بىر-بىرىگە سۈركەپ زەيپانىلەرچە تېز-تېز ماڭماق.

غىجەك

  • غىجەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاپ يەيدىغان بىر خىل قۇش.

غىجىم

  • غىجىم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سەل قورۇپ قاپارتىلىپ توقۇلغان، كۆپتۈرۈپ گۈل چىقىرىلغان (رەخت ھەققىدە):[مىسال:] غىجىم رومال. غىجىم دۇخاۋا.

غىجىملىماق

  • غىجىملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سىقىمدىماق، مىجىقلىماق، قورۇلماق.

غىچⅠ

  • غىچⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئىشىك ئېچىلغاندا ياكى يېپىلغاندا ئىشىكنىڭ گىرەچىسىدىن، ماڭغان ۋاقىتتىكى ئاياغنىڭ چەمى قاتارلىقلاردىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] شۇ چاغدا ئىشىك «غىچ» قىلىپ ئېچىلىپ، مۈرىسىدە سومكا كۆتۈرگەن ھالدا ئامىنە كىرىپ كەلدى.

غىچⅡ

  • غىچⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۈتۈنلەي، ھەممە، ساپلا:[مىسال:] غىچ پۇل. * ياغدا ئەتتىم، گۆشتە ئەتتىم. غىچ ياغ، گۆش يەڭلا دېھقانلار، دەپ جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىرايتتى ئاشپەز.

غىچچىدە

  • غىچچىدە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «غىچ» قىلىپ ئاۋاز چىقارغان ھالدا، «غىچ» قىلىپ:[مىسال:] شۇ ئەسنادا ئىشىك غىچچىدە ئېچىلىپ گۈلسۈمخان كىرىپ كەلدى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پۈتۈنلەي، ساپلا:[مىسال:] دادۈينىڭ ئايىغى غىچچىدە بوز، لېكىن سۇ يوق.

غىچ-غىچ

  • غىچ-غىچ[يەشمىسى:] «غىچ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

غىچىر

  • غىچىر[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئىشىك ۋە كارىۋات قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ يېنىك تەۋرىنىشىدىن چىقىدىغان ئاۋاز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياغنى كىيىپ ماڭغاندا غىچ-غىچ قىلىپ ئاۋاز چىقىرىش ئۈچۈن چەم ئارىسىغا سېلىنىدىغان قىل (موزدۇزلۇقتا).

غىچىر-غىچىر

  • غىچىر-غىچىر[يەشمىسى:] «غىچىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

غىچىرلاتماق

  • غىچىرلاتماق[يەشمىسى:] «غىچىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ قاراڭغۇدا پۇتلىشىپ، ھۇجرىنىڭ ئىشىكىگە كەلدى-دە، ئاۋايلاپ غىچىرلاتماستىن ئىشىكنى ئاچتى ۋە ئاستاغىنە تاشقىرىغا باش چىقىرىپ ساراينى تەكشۈردى.

غىچىرلاشماق

  • غىچىرلاشماق[يەشمىسى:] «غىچىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غىچىرلىماق

  • غىچىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غىچىر-غىچىر» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «غىچىر-غىچىر» قىلماق:[مىسال:] ھارۋا بۇزۇلۇشتىن ئاۋۋال غىچىرلايدۇ (ماقال).

غىچىلداتماق

  • غىچىلداتماق[يەشمىسى:] «غىچىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئاتلارنىڭ قارنى غىچىلدىتىپ كېتىۋاتقان تاۋۇشىدىن باشقا جىمجىتلىققا كاشىلا بولغۇدەك ھېچنېمە يوق ئىدى.

غىچىلداشماق

  • غىچىلداشماق[يەشمىسى:] «غىچىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غىچىلدىماق

  • غىچىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غىچ-غىچ» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «غىچ-غىچ» قىلماق:[مىسال:] ئۆينىڭ ئىشىكى غىچىلداپ ئېچىلدى.

غىدىغۇچ

  • غىدىغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىنە قاداقچىسىنىڭ قادايدىغان چىنىنى تېشىدىغان ئۈسكۈنىسى.

غىدىق

  • غىدىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم بەدىنىنىڭ مەلۇم جايلىرىغا بىرەر نەرسىنىڭ تېگىشى بىلەن پەيدا بولىدىغان بىر خىل غەيرىي سېزىم:[مىسال:] غىدىقى كەلمەك.  لەيلىگۈل بوش كەلمە. غىدىقلا. ئۇنىڭ غىدىقى بوينىدىلا، غىدىقلىساڭلا ئەل بولىدۇ، سىرىڭنى ئاشكارلىمايدىغان بولىدۇ دەپ ۋارقىراشتى قىزلار.

غىدىق-پىدىق

  • غىدىق-پىدىق[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا نىسبەتەن ئوچۇق-ئاشكارا دېمەستىن، ئاڭلىنار-ئاڭلانماس قىلىپ، چالا-پۇچۇق بىلدۈرگەن نارازىلىق:[مىسال:] زۇۋان بېرىپ غىدىق-پىدىق دېگەنتىڭ، بېشى بۇلار يەلكىسىگە ئامانەت. خالىغاندا ئالالايسەن سەن ئۇنى، ھەم دوزاخقا قىلالايسەن دالالەت.

غىدىقلاتماق

  • غىدىقلاتماق[يەشمىسى:] «غىدىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غىدىقلاشماق

  • غىدىقلاشماق[يەشمىسى:] «غىدىقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يۇمشاق قۇم ئۈستىدە بىرقانچە بالا بىر-بىرىنى بېسىشىپ، غىدىقلىشىپ ئىنتايىن شاد-خۇرام ئوينىشىۋاتاتتى.

غىدىقلانماق

  • غىدىقلانماق[يەشمىسى:] «غىدىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

غىدىقلىغۇچ

  • غىدىقلىغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① غىدىق پەيدا قىلىدىغان، غىدىق كەلتۈرىدىغان نەرسە، ئامىل:[مىسال:] ئىتقا قوڭغۇراق ئاۋازى بىلەن تەڭ يېمەكلىك بېرىش بىرقانچە قېتىم تەكرارلانسا، قوڭغۇراق ئاۋازىمۇ ئىتنىڭ شۆلگەي ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى قوزغايدىغان غىدىقلىغۇچ بولۇپ قالىدۇ.[يەشمىسى:] ②>پسىخولوگىيە<[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ مەلۇم خىلدىكى ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوبيېكتىپ سەۋەب.

غىدىقلىماق

  • غىدىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① باشقىلارنىڭ بەدىنىگە قول ياكى بىرەر نەرسىنى تەگكۈزۈش ئارقىلىق غىدىقىنى كەلتۈرمەك:[مىسال:] چىمەن ھامان چاقچاق ئارىلاشتۇرۇپ كۈلۈپ سۆزلەيتتى، ئۇ دوستىنىڭ بىقىنىنى غىدىقلاپمۇ قويدى.[يەشمىسى:] ②>پسىخولوگىيە<[يەشمىسى:] رېئال جىسىم ۋە ھادىسىلەر ياكى تاۋۇش، نۇر ۋە ئىسسىقلىق قاتارلىقلار سەزگۈ ئەزالىرى ياكى جانلىق ئورگانىزملارغا تەسىر قىلىپ، ئۇلاردا ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشكە ئوخشىمىغان تۈرلۈك ئىنكاسلارنى پەيدا قىلماق:[مىسال:] بۇ گۈل قادىرنىڭ كۆزىگە گويا لاۋىلداپ يېنىپ تۇرغان قىپقىزىل يالقۇندەك كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭ بالىلارغا خاس قىزىقىش سەزگۈسىنى غىدىقلىدى.[يەشمىسى:] ③ ئاچماق؛ ئويغانماق؛ قوزغىماق:[مىسال:] ناننىڭ ئۈستىدىكى ئۆرۈكتەك سارغىيىپ پىشقان تۇخۇم پوشكىلى كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى غىدىقلاپ، ھور چىقىپ تۇراتتى.

غىدىڭ

  • غىدىڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بوش ياكى نائېنىق ھالدا نارازى بولۇش، باھانە-سەۋەب كۆرسىتىش، قارشىلىق قىلىش ھالىتى؛ غۇدۇراش.

غىدىڭ-پىدىڭ

  • غىدىڭ-پىدىڭ[يەشمىسى:] ئارتۇق گەپ-سۆز، باھانە-سەۋەب؛ قارشىلىق:[مىسال:] غىدىڭ-پىدىڭ قىلماسلىق. * غىدىڭ-پىدىڭىڭنى قوي، بۈگۈن جەزمەن يولغا چىقىمىز، دېدى ئەركىن ئەسەتكە قاراپ.

غىدىڭشىشماق

  • غىدىڭشىشماق[يەشمىسى:] «غىدىڭشىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غىدىڭشىماق

  • غىدىڭشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا نارازى بولۇپ، ئاڭلىنار-ئاڭلانماس سۆزلىمەك، «غىدىڭ-غىدىڭ» قىلماق.

غىر

  • غىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرەر دۈگىلەك، شارسىمان نەرسىنىڭ تەكشىلىك يۈزىدە سىلىق مېڭىشىدىن چىقىدىغان ئاۋاز.

غىرت

  • غىرت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مەلۇم نەرسىلەرنىڭ سۈركىلىشىدىن چىقىدىغان ئاۋاز.

غىرتتىدە

  • غىرتتىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «غىرت» قىلغان ھالدا، «غىرت» قىلىپ.

غىرت-غىرت

  • غىرت-غىرت[يەشمىسى:] «غىرت»سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

غىرتىلداتماق

  • غىرتىلداتماق[يەشمىسى:] «غىرتىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غىرتىلداشماق

  • غىرتىلداشماق[يەشمىسى:] «غىرتىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غىرتىلدىماق

  • غىرتىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غىرت-غىرت» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «غىرت-غىرت» قىلماق.

غىرتىلداق

  • غىرتىلداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بوغۇز، كېكىردەك.

غىرداتماق

  • غىرداتماق[يەشمىسى:] «غىردىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غىرداشماق

  • غىرداشماق[يەشمىسى:] «غىردىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غىردالماق

  • غىردالماق[يەشمىسى:] «غىردىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

غىردىماق

  • غىردىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنى قىرىپ، سۈركەپ، ئۇپرىتىپ كەسمەك:[مىسال:] ئېكەك بىلەن تۆمۈرنى غىردىماق.  ئەپەندىم ماقۇل بوپتۇ، ئاغىنىسى گال ئۇستىرا بىلەن ئەپەندىمنىڭ بېشىنى غىرداشقا باشلاپتۇ.

غىررىدە

  • غىررىدە[يەشمىسى:] رەۋ[يەشمىسى:] ① «غىر» قىلغان ھالدا، «غىر» قىلىپ:[مىسال:] غىررىدە مېڭىپ كەتمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تېز:[مىسال:] ۋېلسىپىتتە غىررىدە بېرىپ كەلگىنە.

غىرس

  • غىرس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قار، ئۆگزە قاتارلىقلاردا ماڭغاندا ياكى شۇنداق نەرسىلەرنىڭ ئۈستىنى باسقاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

غىرس-غىرس

  • غىرس-غىرس[يەشمىسى:] «غىرس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] بىرنەچچە كۈن بۇرۇن ياغقان قارنىڭ ئاياغلىرىمىز ئاستىدا غىرس-غىرس قىلغان ئاۋازىدىن باشقا ئەتراپتا تىۋىش يوق.

غىرسىلداتماق

  • غىرسىلداتماق[يەشمىسى:] «غىرسىلماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غىرسىلدىماق

  • غىرسىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غىرس» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «غىرس» قىلماق:[مىسال:] ئۇنىڭ قاداق باسقان كەڭ ئالىقىنى ئارىسىدا قولۇم قاتتىق-قاتتىق سىلكىنىشتىن غىرىسلاپ كەتتى.

غىر-غىر

  • غىر-غىر[يەشمىسى:] «غىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] مۇز ئۈستىدە «غىر-غىر» كانكى تېيىلىپ يۈرگەن بالىلار نېمە ئۈچۈندۇر بىردىنلا توختاپ قېلىشتى.

غىرقىراتماق

  • غىرقىراتماق[يەشمىسى:] «غىرقىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غىرقىراشماق

  • غىرقىراشماق[يەشمىسى:] «غىرقىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غىرقىراق

  • غىرقىراق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنچىكە بوغۇلۇپ چىقىدىغان، چىرقىراق:[مىسال:] بىركۈنى ئۇشتۇمتۇتلا ھېلىقى ئىنچىكە، غىرقىراق ئاۋاز ئاڭلاندى.

غىرقىرىماق

  • غىرقىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:]غىرقىرىغان ئاۋازنى چىقارماق.

غىرىڭ

  • غىرىڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] «غىدىڭ»غا قاراڭ.

غىرىڭ-پىرىڭ

  • غىرىڭ-پىرىڭ[يەشمىسى:] «غىدىڭ-پىدىڭ»غا قاراڭ.

غىرىلداتماق

  • غىرىلداتماق[يەشمىسى:] «غىرىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غىرىلداشماق

  • غىرىلداشماق[يەشمىسى:] «غىرىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غىرىلدىماق

  • غىرىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غىر-غىر» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «غىر-غىر» قىلماق:[مىسال:] تارىم بويىدىكى ئاددىي بىر تۈگمەننىڭ تېشى غىرىلداپ چۆرگىلىمەكتە.

غىزا

  • غىزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىك، تائام، تاماق:[مىسال:] لۇتپۇللا مۇتەللىپ تاشقىرىقى بازاردىن ئۆتۈشتە چۈشلۈك غىزاغا ئاتاپ نان، سامسا، كاۋاپ، گۆش ئېلىۋالغانىدى.

غىزاسىز

  • غىزاسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غىزا يېمىگەن، ئاچ:[مىسال:] بالا بىركۈن غىزاسىز قالدى.

غىزاسىزلىق

  • غىزاسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غىزا يېمىگەن ھالەت، ئاچ قورساقلىق.

غىزالاندۇرماق

  • غىزالاندۇرماق[يەشمىسى:] «غىزالانماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] رەھىم ناۋاي تاشۋاينى يېتىلەپ كەلگەن ئاشۇ كىچىدە ئالدى بىلەن ئۇنى غىزالاندۇردى.

غىزالاندۇرۇلماق

  • غىزالاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «غىزالاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارغا پاكىز ۋە ئىسسىق سەيناق، تاۋار يوتقانلار بىرىلىپلا قالماي، يەنە ئۇلار توخۇ، ئۆردەك، ھاراق، تاماق بىلەن تويغۇچە غىزالاندۇرۇلدى.

غىزالانماق

  • غىزالانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غىزا يېمەك:[مىسال:] ئۈستىگە قوي گۆشى بېسىلغان ياغلىق پولۇدىن غىزالانغان مۇختار ئانىسى بىلەن ئىككىمىزنىڭ كىنوغا جابدۇنغىنىمىزغا پەرۋامۇ قىلماي تاپشۇرۇق ئىشلەشكە تۇتۇندى.

غىزالىق

  • غىزالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غىزا (ئوزۇق) بولىدىغان، قۇۋۋەت رولىنى ئوينايدىغان:[مىسال:] ھەر خىل ھايۋان گۆشلىرىنىڭ ئادەم بەدىنىگە غىزالىق ۋە داۋالىق تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ.

غىزالىنىشماق

  • غىزالىنىشماق[يەشمىسى:] «غىزالانماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غىژ

  • غىژ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] نەسنىڭ قىسىلىپ چىقىشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز.

غىژ-غاژ

  • غىژ-غاژ[يەشمىسى:] ① «غىژ» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جېدەل-ماجىرا، ئۇرۇش-تالاش:[مىسال:] ئەنۋەر مۇنازىرە قىلىمەن، دەۋالىشىمەن دەپ ئۆيدىكىلەر بىلەن غىژ-غاژ قىلىپ، كۆڭۈلنىڭ ئارامىنى قويمايدىغان بولدى.

غىژ-غىژ

  • غىژ-غىژ[يەشمىسى:] ① «غىژ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گەپ تالىشىش؛ غىژ-غاژ:[مىسال:] شۇ سەۋەبتىنمۇ قېيىنسىڭىللار بىلەن قۇدرەتئاخۇننىڭ ئايالى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق غىژ-غىژ ئاداۋەت يۈز بەرمىدى.

غىژ-غىژلاشماق

  • غىژ-غىژلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ۋارقىرىشىپ قالماق، گەپ تالىشىپ قالماق:[مىسال:] ئانا-بالا كەچتە داستىخان ئۈستىدىلا غىژ-غىژلىشىپ قالدى.

غىژمۇدۇن

  • غىژمۇدۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئورۇنسىز ئىشلارنى باھانە قىلىپ يىغلايدىغان بالا، يىغلاڭغۇ.

غىژىلداتماق

  • غىژىلداتماق[يەشمىسى:] «غىژىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غىژىلداشماق

  • غىژىلداشماق[يەشمىسى:] ① «غىژىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] غىژ-غىژ، غىژ-غاژ قىلىشماق؛ گەپ تالاشماق، جېدەللەشمەك:[مىسال:] ئۇلار نەق مەيدانغا بارغۇچە ئەنە شۇنداق غىژىلداشتى.

غىژىلدىماق

  • غىژىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غىژ-غىژ» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «غىژ-غىژ» قىلماق:[مىسال:] ئۇ توڭگۇزنىڭ بوغۇزىدىن چىشلەپ غىژىلداپ تۇرۇپ، ئالدى ئاياغلىرىنى يەرگە قاتتىق تىرەپ، ئارقىسىغا داجىپ بارلىق كۈچى بىلەن سۆرىدى.

غىق

  • غىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] تاماققا بىرەر نەرسە تىقىلغاندا، بوغۇلغاندا ھاسىل بولغان ئاۋاز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەددىدىن زىيادە؛ قاتتىق؛ ئېغىر:[مىسال:] غىق تويماق.

غىر-غىق

  • غىر-غىق[يەشمىسى:] «غىق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

غىققىدە

  • غىققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «غىق» قىلغۇدەك دەرىجىدە، گالغىچە:[مىسال:] مەن ئۇ ئەھۋالغا قاراپ غىققىدە بولدۇم-دە، چوكامنى تاشلاپ قويۇپ، ئاشخانىدىن چىقتىم.

غىقىلداتماق

  • غىقىلداتماق[يەشمىسى:] «غىقىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] باتۇر ئۇنىڭ كېكىردىكىنى غىقىلدىتىپ سىقىپ جېنىنى جەھەننەمگە يوللىدى.

غىقىلداشماق

  • غىقىلداشماق[يەشمىسى:] «غىقىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غىقىلدىماق

  • غىقىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غىق-غىق» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «غىق-غىق» قىلماق.

غىڭ

  • غىڭ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] پاشا، ھەرە قاتارلىقلار ئۇچقاندا چىقىدىغان ئاۋاز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى مەسىلىگە قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئىماسىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] غىڭ قىلماي ئىشلىمەك.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چەكسىز كەتكەن، كۆز يەتكۈسىز، بىپايان: غىڭ تۈزلەڭ. غىڭ ساي.

غىڭ-پىڭ

  • غىڭ-پىڭ[يەشمىسى:] نارازىلىق ۋە بۇ ھەقتىكى گەپ-سۆزلەر:[مىسال:] ئىش ئۆتۈپ كەتتى. ئەمدى غىڭ-پىڭنى قويايلى، ئەگەر ئەھۋال يەنە تەكرارلىنىدىغان بولسا، ئاندىن كۆرەرمىز، دەپ بالىلارنى گەپ قىلدۇرمىدى تۇرىدىئاخۇن ئاكام.

غىڭشىتماق

  • غىڭشىتماق[يەشمىسى:] «غىڭشىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غىڭشىشماق

  • غىڭشىشماق[يەشمىسى:] «غىڭشىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يۈزىدە گەپ قىلماي، ئارقىسىدىن غىڭشىشقىنىڭلار نېمىسى، بۇ ئوغۇل بالىلىق ئەمەس.

غىڭشىغاق

  • غىڭشىغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇششاق گەپنى جىق قىلىدىغان، تولا ۋايسايدىغان، چىدىماس:[مىسال:] غىڭشىغاق ئادەم.

غىڭشىماق

  • غىڭشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «غىڭ-غىڭ» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «غىڭ-غىڭ» قىلماق:[مىسال:] قادىر ئىتقا ۋارقىرىدى، ئىت قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتقىنىچە غىڭشىپ نېرى كەتتى.[يەشمىسى:] ② نارازى بولماق، قارشى چىقماق؛ ئۇششاق گەپنى تولا قىلماق، ۋايسىماق:[مىسال:] تولا غىڭشىماي، ئىشىڭنى قىلە.

غىڭ-غىڭ

  • غىڭ-غىڭ[يەشمىسى:] «غىڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] غىڭ-غىڭ قىلىپ ناخشا ئېيتماق.

غىڭىلداتماق

  • غىڭىلداتماق[يەشمىسى:] «غىڭىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غىڭىلداشماق

  • غىڭىلداشماق[يەشمىسى:] «غىڭىلدىماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غىڭىلدىماق

  • غىڭىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غىڭ-غىڭ» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «غىڭ-غىڭ» قىلماق:[مىسال:] قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن بارغانسېرى كۈچىيىپ غىڭىلدىغان ئاۋاز كېلىۋاتقانىدى.

غىلⅠ

  • غىلⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① ئېلاستىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە نەرسىلەرنىڭ تىترەش ھالىتى.[يەشمىسى:] ② كۆڭۈل بۇزۇلغاندا بىردىنلا كۆزگە ياش كېلىش ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزىدىن غىل قىلىپ ياش ئەگىدى.

غىلⅡ

  • غىلⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] غۇدۇر-بۈدۈرى يوق، سىلىق؛ تېيىلغاق.

غىلاپ

  • غىلاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قورال-ياراغ ۋە تىغلىق ئەسۋابلارنى سېلىش ئۈچۈن شۇ نەرسە شەكلىدە تىكىلگەن قاپ، قىن:[مىسال:] پىچاق ئىتتىك بولسا غىلىپىنى كېسەر (ماقال). * ياغاچ پىچاققا تۆمۈر غىلاپ (ماقال).

غىلاپ بەندىسى

  • غىلاپ بەندىسى[يەشمىسى:] سىرت بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان، باردى-كەلدىسى يوق ئادەم.

غىلاپسىز

  • غىلاپسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غىلىپى يوق، غىلاپقا سېلىنمىغان:[مىسال:] غىلاپسىز پىچاق.

غىلاپلىق

  • غىلاپلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غىلىپى بار، غىلاپقا سېلىنغان:[مىسال:] ئۇ كۈمۈش غىلاپلىق خەنجەر ئېسىلغان كەمىرىنى بېلىگە چىڭ تارتىپ دەسسەپ كېلەتتى.

غىلاڭ

  • غىلاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ساپلا، پۈتۈنلەيلا.

غىلام-غىلام

  • غىلام-غىلام [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] لۆم-لۆم.

غىل-پال

  • غىل-پال[يەشمىسى:] بىر كۆرۈنۈپ-بىركۆرۈنمەي، بىلىنەر-بىلىنمەس، ئاندا-ساندا:[مىسال:] قويۇق دەرەخلەر ئارىسىدا غىل-پال قىلىپ يالغۇز چىراغ كۆرۈنمەكتە.

غىلتاڭ

  • غىلتاڭ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېيىلغاق، سىلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئېگىز-پەس ئاياغلىرى غىلتاڭ يول ئۈستىدىكى قار-مۇزلارنى ھاۋانچا تېشىدەك ئېزىپ، غاچ-غۇچ ئاۋاز چىقىراتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پۈتۈنلەي، ساپلا:[مىسال:] ئويتاغ ئېغىزىدىكى غىلتاڭ تاشلىق سايدا ھەر كۈنى دېگۈدەك قىسقا ئەمما شىددەتلىك جەڭلەر بولۇپ تۇردى.

غىلجىڭ

  • غىلجىڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغان؛ ئويناق:[مىسال:] غىلجىڭ ئادەم. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ھېلىقى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان غىلجىڭ قىياپىتى نېرى بولمايتتى.

غىلجىڭشىماق

  • غىلجىڭشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نايناقلىماق، غىلجىڭلىماق:[مىسال:] ئاۋۇ ھىمىت ياسانچۇق، تۇرغۇن ئېڭىكى بىلەن ئىشارەت قىلىپ دېدى، يېنىدىكى «خەلىچە نايناق»، بۇلتۇر ھەر ئىككىسى كۆچەلمەي سىنىپتا قالغان، بۇ يىل يەنە مۇشۇنداق غىلجىڭشىپ يۈرسە... بىلمىدىم، ئاخىر يەنە قانداق بولاركىن.

غىلجىڭلاتماق

  • غىلجىڭلاتماق[يەشمىسى:] «غىلجىڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

غىلجىڭلاشماق

  • غىلجىڭلاشماق[يەشمىسى:] «غىلجىڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

غىلجىڭلىق

  • غىلجىڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غىلجىڭ ھالەت، غىلجىڭ قىلىق؛ نايناقلىق:[مىسال:] گېزىتنىڭ گېپى چىقىش بىلەن دىڭ قۇلاق بولۇپ تۇرغان ئايتىللا غىلجىڭلىق بىلەن شوپۇرنىڭ ئالدىنى توستى.

غىلجىڭلىماق

  • غىلجىڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نايناقلىماق، ناز قىلماق؛ غىلجىڭشىماق.

غىلدىر

  • غىلدىر[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] يۇمىلاق نەرسىلەرنىڭ سىلىق نەرسە ئۈستىدە مېڭىشىدىن چىققان ئاۋاز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غىلدىرلايدىغان، سىلىق ھەم پارقىراق:[مىسال:] ماشىنىدا بىر ئادەم بىلەن ئەتلەس كۆڭلەك كىيگەن، ئېسىل غىلدىر ياغلىق تاڭغان، بىر ئايال ئولتۇراتتى.

غىلدىرەك

  • غىلدىرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غالتەك:[مىسال:] شەھەردىكى ئۆيدىن ئايرىم تۇرار يېرى، پەقەت ئۇنىڭ تېگىدە بار تۆت غىلدىرەك.

غىلدۇرغۇچ

  • غىلدۇرغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قىيىقچە قىلغاندا خېمىرنى كېسىدىغان چىشلىق غالتەك؛ قىيغاقچا.

غىلدىر-غىلدىر

  • غىلدىر-غىلدىر[يەشمىسى:] «غىلدىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] بىر چاغدا چۆچۈپ ئويغىنىپ سائىتىمگە قارىسام، سائەتنىڭ تىللىرى غىلدىر-غىلدىر قىلىدۇ. ئويلىسام ئالدىراشچىلىقتا «سائىتىمنى تاقىدىم» دەپ كومپاسنى تاقىۋاپتىمەن.

غىلدىرلاتماق

  • غىلدىرلاتماق[يەشمىسى:] «غىلدىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەۋلىيا ئوخشايدۇ، دەپ پال باقتۇردۇم، ئېشىكىمنى ئوغرى ئېلىپ كەتتى دېسەم، پال چوكىسىنى غىلدىرلىتىپ تاشلاپ «ئېشىكىڭنى ئوغرى ئالماپتۇ، ئالغان بولسىمۇ كوچىدا مىنمەپتۇ، تېۋىپتىن سۈرگە دورىسى ئېلىپ ئىچىۋەت» دەپ ئولتۇرىدۇ.

غىلدىرلاشماق

  • غىلدىرلاشماق[يەشمىسى:] «غىلدىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مەرۋايىت قوناق شىلدىرلىشىدۇ، يەرگە چېچىلىپ غىلدىرلىشىدۇ.

غىلدىرلىماق

  • غىلدىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «غىلدىر-غىلدىر» قىلماق:[مىسال:] قاشتېشىدىن ياسالغان كۆز پىلدىرلىدى، سىمى-سىمغا تېگىپ، غالتەك غىلدىرلىدى.[يەشمىسى:] ② «غىلدىر-غىلدىر» قىلىپ دومىلانماق، دومىلىماق، دۈگىلىمەك:[مىسال:] سامۇق ياغلىقنىڭ ئۇچىدىن تۇتۇپ بىر سىلكىۋىدى، قىزىل بويالغان تۇخۇملار يولنىڭ نە-نەلىرىگە غىلدىرلاپ كەتتى.

غىل-غىل

  • غىل-غىل[يەشمىسى:] «غىلⅠ»سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدا غىل-غىل ياش ئەگىگەندەك قىلدى.

غىللىدە

  • غىللىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «غىل» قىلغان ھالدا، «غىل» قىلىپ:[مىسال:] ئۇ كۆزىگە غىللىدە ياش ئېلىش بىلەن بېشىنى سەل كۆتۈرۈپ لېۋىنى چىشلىگىنىچە توختاپ قالدى.

غىلمان

  • غىلمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] بالا خىزمەتكار:[مىسال:] ئاتا-ئانا بوۋىلىرى باغبانۇرىزۋان بولدى، جەسۇر قىزلار ھۆر-پەرى، ئوغۇللىرى غىلمان بولدى.

غىمسا

  • غىمسا [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يوشۇرۇن، پىنھان، خىلۋەت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تار يول.

غىمىسسىدە

  • غىمىسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جىممىدە، ئاۋاز چىقارماي، شەپىسىز.

غىمىسسىماق

  • غىمىسسىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھەۋەس قىلماق، قىزىقماق، ياخشى كۆرمەك.

غىنجە

  • غىنجە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئىتنى باغلاش ئۈچۈن ئارغامچا ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان كالتەك.

غىنجىباغ

  • غىنجىباغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چانا ياغىچىنى ئاتقا تاڭىدىغان ئارغامچا.

غىۋە

  • غىۋە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىگىتىدىن ئايرىلىپ، ئېگىرىشكە تەييارلانغان پاختا:[مىسال:] چېچى غىۋىدەك ئاقارغان ئانا، چۈشكەن يۈزىگە قورۇقلار سانا.