ئىزاھى |
ژ |
|
ژ[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىكى ئون ئىككىنچى ھەرپ. رەت تەرتىپى جەھەتتىن ئون ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ھەرپ. ھازىر زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە بولمىغان ھەرپ بولغانلىقى ئۈچۈن مۇستەقىل فونېما ئەمەس. «ژ» ھەرىپىنىڭ يالغۇز شەكلى ۋە باش ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ژ» ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ژ»، ئاتىلىشى ياكى نامى «ژې» دۇر. «ژ» ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن تىل ئالدى-قاتتىق تاڭلاي تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن سىيرلاڭغۇ تاۋۇش، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشتۇر. «ژ» تاۋۇشنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى 1. ئۇيغۇر تىلىدىكى «ژ» تاۋۇشى «ي» تاۋۇشنىڭ ۋارىيانتى بولۇپ، بەزى شىۋىلەردە «ئى، ئۇ، ئۈ» تاۋۇشلىرىنىڭ ئالدىغا كەلگەن «ي» تاۋۇش «ژ» تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ، لېكىن سۆز مەنىسىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. مەسىلەن: يىل − ژىل، يىلان − ژىلان يۇلۇن − ژۇلۇن 2. ئاخىرى «ج» تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان بىر قىسىم سۆزلەر يەككە ھالىتىدە تۇرغاندا، ھەمدە ئاخىرىغا ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلىنىدىغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندىمۇ، نۇتۇقتا «ژ» غا نۆۋەتلەشتۈرۈلۈپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئەمما ئىملادا ئەكس ئەتتۈرۈلمەيدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى تەلەپپۇزى باج-باجگىر، باجخانا باژ-باژگىر، باژخانا كاج-كاجىلىق، كاجراق كاژ-كاژلىق، كاژراق 3. كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بوغۇمى «ج» تاۋۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسا ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىنكى بوغۇمنىڭ بېشى «ج»، «ر» دىن باشقا تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان بولسا «ج» تاۋۇش يەنىلا «ژ» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملا تەلەپپۇزى ۋىجدان ۋىژدان ئۈجمە ئۈژمە ھىجران ھىجران مۇنەججىم مۇنەججىم
|
|
ژارگون |
|
|
|
ژاندارما |
|
|
|
ژانىر |
|
|
|
ژۇرنال |
|
|
|
ژۇرنالىست |
|
|
|