ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

2 ئە🔗

ئەⅠ

ئەبەد

ئەبەدىلئەبەد

ئەبەدىي

ئەبەدىيەت

ئەبەدىيلەشتۈرمەك

ئەبەدىيلەشتۈرۈشمەك

ئەبەدىيلەشتۈرۈلمەك

ئەبەدىيلەشمەك

ئەبەدىيلىك

ئەبجەت

ئەبجەش

ئەبجەق

ئەبگار

ئەبگارلاشتۇرماق

ئەبگارلاشتۇرۇشماق

ئەبگارلاشتۇرۇلماق

ئەبگارلاشماق

ئەبگارلىق

ئەبلەخ

ئەبلەخلىق

ئەبنۇس

ئەپ

ئېپىنى قىلماق

ئەپەندى

ئەپەندىچىلىك

ئەپەندىلىك

ئەپەندىم

ئەپت

ئەپت-بەشىرە

ئەپچىل

ئەپچىللەشمەك

ئەپچىللىك

ئەپسانە

ئەپسانىچى

ئەپسانىشۇناس

ئەپسانىشۇناسلىق

ئەپسانىلەشتۈرمەك

ئەپسانىلەشتۈرۈشمەك

ئەپسانىلەشتۈرۈلمەك

ئەپسانىلەشمەك

ئەپسانىۋى

ئەپسانىۋىلىك

ئەپسۇس

ئەپسۇسكى

ئەپسۇسلاندۇرماق

ئەپسۇسلاندۇرۇلماق

ئەپسۇسلانماق

ئەپسۇسلۇق

ئەپسۇسلىنارلىق

ئەپسۇسلىنىشماق

ئەپسۇن

ئەپسۇنچى

ئەپسۇنچىلىق

ئەپسىز

ئەپسىزلەنمەك

ئەپسىزلىك

ئەپغان

ئەپقاچماق

ئەپكار

ئەپكەش

ئەپكەشچى

ئەپكەشلىك

ئەپلاتون

ئەپلاتوننىڭ زەنجىرىنى ئۈزىدىغان

ئەپلەپ-سەپلەپ

ئەپلەتمەك

ئەپلەشتۈرمەك

ئەپلەشتۈرۈشمەك

ئەپلەشتۈرۈلمەك

ئەپلەشمەك

ئەپلەنمەك

ئەپلىك

ئەپلىمەك

ئەپۇ

ئەپيەڭگە

ئەپيۈن

ئەپيۈنچى

ئەپيۈنچىلىك

ئەپيۈنكەش

ئەپيۈنكەشلىك

ئەپيۈنگۈل

ئەت

ئەتە

ئەتە-ئاخشام

ئەتە-ئۆگۈن

ئەتەي

ئەتەيلەپ

ئەتتار

ئەتتەڭ

ئەتتەڭەي

ئەتتىكەن

ئەتتىگىنەي

ئەتراپ

ئەتراپلىق

ئەترەت

ئەتسىز

ئەتكەس

ئەتكەسچى

ئەتكەسچىلىك

ئەتكەنچاي

ئەتكۈزمەكⅠ

ئەتكۈزمەكⅡ

ئەتلەس

ئەتلەسچى

ئەتلەسچىلىك

ئەتلەندۈرمەك

ئەتلەنمەك

ئەتلىك

ئەتلىمە

ئەتمەكⅠ

ئەتمەكⅡ

ئەتۋىركە

ئەتىر

ئەتىرسوپۇن

ئەتىرگۈل

ئەتىرلىك

ئەتىكى

ئەتىگەن

ئەتىگەنكى

ئەتىگەنلەپ

ئەتىگەنلىك

ئەتىلەتىن

ئەتىلىك

ئەتىۋار

ئەتىۋارسىز

ئەتىۋارسىزلىق

ئەتىۋارلاتماق

ئەتىۋارلاشماق

ئەتىۋارلانماق

ئەتىۋارلىق

ئەتىۋارلىماق

ئەتىياز

ئەتىيازلىق

ئەتيان

ئەجەب

ئەجەبا

ئەجەبسىنمەك

ئەجەبكى

ئەجەبكىم

ئەجەبلەندۈرمەك

ئەجەبلەندۈرۈشمەك

ئەجەبلەندۈرۈلمەك

ئەجەبلەنمەك

ئەجەبلىنەرلىك

ئەجەبلىنىشمەك

ئەجەل

ئەجىلى مۇئەللەق

ئەجىلى مۇتلەق

ئەجەللىك

ئەجەم

ئەجەمپىتى

ئەجداد

ئەجدىھا

ئەجدىھادەرىخى

ئەجدىھاگۈل

ئەجدىھائوتى

ئەجنەبىي

ئەجنەبىيلەرچە

ئەجنەبىيلىك

ئەجىر (ئەجرى)

ئەجىرسىز

ئەجىرلىك

ئەجىن

ئەچۈشتۈرمەك

ئەچۈشمەك

ئەچۈشۈشمەك

ئەچۈشۈلمەك

ئەختەر

ئەخلاق

ئەخلاق-پەزىلەت

ئەخلاقسىز

ئەخلاقسىزلىق

ئەخلاقشۇناس

ئەخلاققاراش

ئەخلاقلىق

ئەخلاقىي

ئەخلەت

ئەخلەت-چاۋار

ئەخلەتچى

ئەخلەتخانا

ئەخلەتلەشمەك

ئەخلەتلىك

ئەخمەق

ئەخمەقچىلىق

ئەخمەقلەرچە

ئەخمەقلەشتۈرمەك

ئەخمەقلەشمەك

ئەخمەقلىق

ئەخمىقانە

ئەخمىقانىلىك

ئەدەبىي

ئەدەبىي ئاخبارات

ئەدەبىي ئەسەر

ئەدەبىي تىل

ئەدەبىي ئۇسلۇب

ئەدەبىي ئىجادىيەت

ئەدەبىيات

ئەدەبىياتچى

ئەدەبىياتچىلىق

ئەدەبىيات-سەنئەت

ئەدەبىياتشۇناس

ئەدەبىياتشۇناسلىق

ئەدەبىيلىك

ئەدەپ

ئەدەپ-ئەخلاق

ئەدەپسىز

ئەدەپسىزلەشمەك

ئەدەپسىزلىك

ئەدەپ-قائىدە

ئەدەپلەتمەك

ئەدەپلەشمەك

ئەدەپلەنمەك

ئەدەپلىك

ئەدەپلىمەك

ئەدەتمەك

ئەدەس

ئەدەشمەك

ئەدرەك

ئەدگۈ

ئەدلىيە

ئەدلىيىلىك

ئەدنا

ئەدىب

ئەدىبلىك

ئەدىمەك

ئەدىيال

ئەر

ئەر-ئايال

ئەر-ئاياللىق

ئەرەب

ئەرەب تىلى

ئەرەب رەقەملىرى

ئەرەب يېزىقى

ئەرەبچە

ئەرەبشۇناس

ئەرەبشۇناسلىق

ئەرەبىي

ئەرەپات

ئەرەختەن-پەرەختەن

ئەرەڭ-سەرەڭ

ئەرەن

ئەرەنچە

ئەرەنلىك

ئەرباب

ئەربابلىق

ئەرتەك

ئەرجىم

ئەرچە

ئەر-خوتۇن

ئەر-خوتۇنچىلىق

ئەر-خوتۇنلۇق

ئەردەم

ئەرز

ئەرزان

ئەرزانچى

ئەرزانچىلىق

ئەرزانلاتماق

ئەرزانلاشتۇرماق

ئەرزانلاشتۇرۇشماق

ئەرزانلاشتۇرۇلماق

ئەرزانلاشماق

ئەرزانلىتىلماق

ئەرزانلىماق

ئەرز-داد

ئەرز-شىكايەت

ئەرز-ھال

ئەرزىمەس

ئەرزىمەك

ئەرزىيەت

ئەرسات

ئەرسەك

ئەرسىرەتمەك

ئەرسىرەشمەك

ئەرسىرىمەك

ئەرش

ئەرشىئەلا

ئەرك

ئەركان

ئەركە

ئەركە-تايتاڭ

ئەركە-تايتاڭلىق

ئەركەچ

ئەركەك

ئەركەك چىۋىن قونمىغان

ئەركەك چىۋىن كۆرمىگەن

ئەركەكچە

ئەركەك-چىشى

ئەركەكچىلىك

ئەركەكزەدەك

ئەركەكلەرچە

ئەركەكلىك

ئەركە-نايناق

ئەركە-نايناقلىق

ئەركسىز

ئەركسىزلىك

ئەركىلەتمەك

ئەركىلەشمەك

ئەركىلەنمەك

ئەركىلىك

ئەركىلىمەك

ئەركىن

ئەركىن-ئازادە

ئەركىنچىلىك

ئەركىنلەشتۈرمەك

ئەركىنلەشتۈرۈشمەك

ئەركىنلەشتۈرۈلمەك

ئەركىنلەشمەك

ئەركىنلىك

ئەرگۇل

ئەرلىك

ئەرمەك

ئەرمەك بولماق

ئەرمەن

ئەرمۇ

ئەرمۇدۇن

ئەرۋاھ

ئەرۋەش

ئەرىن

ئەزا

ئەزالىق

ئەزان

ئەزەربەيجان

ئەزەل

ئەزەلدە

ئەزەلدىن

ئەزەلىي

ئەزەلىيەت

ئەزەلىيچىلىك

ئەزەلىيلىك

ئەزەم

ئەزبىرايى

ئەزدۈرمەك

ئەزرائىل

ئەزگۈ

ئەزمە

ئەزمەك

ئەزمىلەشمەك

ئەزمىلىك

ئەزۋەيلەتمەك

ئەزۋەيلەشمەك

ئەزۋەيلەنمەك

ئەزۋەيلىمەك

ئەزىز

ئەزىزانە

ئەزىزلەشمەك

ئەزىزلەنمەك

ئەزىزلىك

ئەزىزلىمەك

ئەزىم

ئەزىمەت

ئەزىمەتلىك

ئەزىيەت

ئەزىيەتلىك

ئەس

ئەسەب

ئەسەبىي

ئەسەبىيلەرچە

ئەسەبىيلەشتۈرمەك

ئەسەبىيلەشتۈرۈشمەك

ئەسەبىيلەشتۈرۈلمەك

ئەسەبىيلەشمەك

ئەسەبىيلىك

ئەسەد

ئەسەرⅠ

ئەسەرⅡ

ئەستا

ئەستاغپۇرۇللا

ئەستايىدىل

ئەستايىدىللىق

ئەستەر

ئەستەرلەتمەك

ئەستەرلەشمەك

ئەستەرلەنمەك

ئەستەرلىك

ئەستەرلىمەك

ئەستى

ئەستىلىك

ئەسرا

ئەسرالىق

ئەسسالام

ئەسسالامۇئەلەيكۇم

ئەسسىز

ئەسسىزلىك

ئەسقاتماق

ئەسقېتىشماق

ئەسكەر

ئەسكەرتكۈزمەك

ئەسكەرتمە

ئەسكەرتمەك

ئەسكەرتىش

ئەسكەرتىشمەك

ئەسكەرتىلمەك

ئەسكەرچە

ئەسكەرچىلىك

ئەسكەرخانا

ئەسكەرلىك

ئەسكەرمەك

ئەسكى

ئەسكىپۇرۇش

ئەسكىپۇرۇشلۇق

ئەسكى-تۈسكى

ئەسكىرەتمەك

ئەسكىرىمەك

ئەسكىرىي

ئەسكىلەشتۈرمەك

ئەسكىلەشمەك

ئەسكىلىك

ئەسل

ئەسلا

ئەسلەتمە

ئەسلەتمەك

ئەسلەشمەك

ئەسلەنمەك

ئەسل-نەسىل

ئەسل-ۋەسىل

ئەسلىدە

ئەسلىك

ئەسلىمە

ئەسلىمەك

ئەسلىھە

ئەسلىي

ئەسمەكⅠ

ئەسمەكⅡ

ئەسنا

ئەسنەتمەك

ئەسنەشمەك

ئەسنەك

ئەسنىمەك

ئەس-ھوش

ئەسۋاب

ئەسۋاب-جابدۇق

ئەسۋابسىز

ئەسۋابلىق

ئەسۋاب-ئۈسكۈنە

ئەسۋە

ئەسىرⅠ

ئەسىرⅡ

ئەسىرⅢ

ئەسىرلەپ

ئەسىرلىكⅠ

ئەسىرلىكⅡ

ئەس-ياد

ئەش

ئەشئار

ئەشەددىي

ئەشەددىيلەشتۈرمەك

ئەشەددىيلەشتۈرۈلمەك

ئەشەددىيلەشمەك

ئەشەددىيلىك

ئەشتۈرمەك

ئەششاپتۇل

ئەشمە

ئەشمەك

ئەشمىقۇم

ئەشيا

ئەقەللىي

ئەقەللىيسى

ئەقدە

ئەقرەب

ئەقرىبا

ئەقلىي

ئەقلىيە

ئەقلىيلىك

ئەقىدە

ئەقىدىچىلىك

ئەقىدىلىك

ئەقىل

ئەقىل تاپماق

ئەقىل-پاراسەت

ئەقىل-پاراسەتلىك

ئەقىلدار

ئەقىلسىز

ئەقىلسىزلىق

ئەقىللەشمەك

ئەقىللىق

ئەقىللىقلىق

ئەقىل-ھوش

ئەقىل-ھوشلۇق

ئەقىل-ئىدراك

ئەقىل-ئىدراكلىق

ئەكابىر

ئەكابىر-ئەشرەپ

ئەكەتكۈزمەك

ئەكەتمەك

ئەكەلدۈرمەك

ئەكەلدۈرۈلمەك

ئەكەلمەك

ئەكتۈرمەك

ئەكتۈرۈلمەك

ئەكچە

ئەكچىتمەك

ئەكچىتىلمەك

ئەكچىمەك

ئەكس

ئەكسىچە

ئەكسىلھەرىكەت

ئەكسىلھەرىكەتچى

ئەكسىلھەرىكەتچىلىك

ئەكسىلئىنقىلاب

ئەكسىلئىنقىلابچى

ئەكسىلئىنقىلابچىلىق

ئەكسىلئىنقىلابىي

ئەكسىنچە

ئەكسىيەتچى

ئەكسىيەتچىل

ئەكسىيەتچىلەشمەك

ئەكسىيەتچىلىك

ئەكمەك

ئەكىتىشمەك

ئەكىتىلمەك

ئەكىرمەك

ئەكىرىشمەك

ئەكىرگۈزمەك

ئەكىرىلمەك

ئەكىلىشمەك

ئەكىلىنمەك

ئەگەر

ئەگەرچەندە

ئەگەردە

ئەگەشتۈرمەك

ئەگەشتۈرۈشمەك

ئەگەشتۈرۈلمەك

ئەگەشمە

ئەگەشمەك

ئەگدۈرمەك

ئەگرى

ئەگرى-بۈگرى

ئەگرى-توقاي

ئەگرى-توقايلىق

ئەگرى-دوناي

ئەگرىسۇناي

ئەگرىلىك

ئەگزىك

ئەگمە

ئەگمەچ

ئەگمەك

ئەگۈن

ئەگىتمە

ئەگىتمەك

ئەگىز

ئەگىزئوت

ئەگىشمەك

ئەگىلمە

ئەگىلمەك

ئەگىم

ئەگىم-ئەگىم

ئەگىمەك

ئەڭ

ئەڭگۈشتەر

ئەڭگىز

ئەڭگىزلىك

ئەڭلىك

ئەڭلىكئوت

ئەل

ئەلا

ئەلاچى

ئەلاچىلىق

ئەل-ئاغىنە

ئەل-ئاغىنىچىلىك

ئەل-ئاغىنىدارچىلىق

ئەل-ئاغىنىلىك

ئەلەس

ئەلەسلەشمەك

ئەلەڭ

ئەلەڭ-ئەلەڭ

ئەلەڭ-سەلەڭ

ئەلەڭگۈ

ئەلەڭگۈ-بەلەڭگۈ

ئەلەڭگۈلۈك

ئەلەڭلەشمەك

ئەلەڭلىمەك

ئەلەمⅠ

ئەلەمⅡ

ئەلەمⅢ

ئەلەمداش

ئەلەمدار

ئەلەمزادە

ئەلەمسىز

ئەلەملىك

ئەلەيھىسسالام

ئەلپاز

ئەلتەك

ئەلتېرە

ئەلتېرىچى

ئەل-جامائەت

ئەلچى

ئەلچىخانا

ئەلچىلىك

ئەل-دوست

ئەلقىساسۇمىنەلھەق

ئەلقىسسە

ئەلكۈن

ئەلكېزەر

ئەلكېزەرلىك

ئەلگەك

ئەلگەكتىن ئۆتكۈزمەك

ئەلگەكچى

ئەلگەكچىلىك

ئەلگەكلىك

ئەللامە

ئەللەي

ئەللەي-ئەللەي

ئەللەيلەتمەك

ئەللەيلەشمەك

ئەللەيلەنمەك

ئەللەيلىمەك

ئەللىكⅠ

ئەللىكⅡ

ئەللىكبېشى

ئەللىكىنچى

ئەلمەش-چەلمەش

ئەلمى-تەلمى

ئەلمىساق

ئەلنەغمە

ئەلنەغمىچى

ئەلنەغمىچىلىك

ئەلنەغمىلىك

ئەلھاسىل

ئەلھال

ئەلھايا

ئەلھەزەر

ئەلھەق

ئەلھەمدۇلىللا

ئەلھۆكمىلىللا

ئەلۋەتتە

ئەلۋەك

ئەلۋەكچىلىك

ئەلۋىدا

ئەلۋىدالاشماق

ئەلىپماي

ئەلياتقۇ

ئەل-يۇرت

ئەم

ئەما

ئەمالىق

ئەمەس

ئەمەلⅠ

ئەمەلⅡ

ئەمەلⅢ

ئەمەل قىلماق

ئەمەلپەرەس

ئەمەلپەرەسلىك

ئەمەلدار

ئەمەلدارلارچە

ئەمەلدارلىق

ئەمەلىي

ئەمەلىيەت

ئەمەلىيەتچان

ئەمەلىيەتچانلىق

ئەمەلىيەتچى

ئەمەلىيەتچىلىك

ئەمەلىيەتسىز

ئەمەلىيلەشتۈرمەك

ئەمەلىيلەشتۈرۈشمەك

ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەك

ئەمەلىيلەشمەك

ئەمەلىيلىك

ئەمەن

ئەمەنلىك

ئەمبەل

ئەمبەللىك

ئەمچەك

ئەمچەكداش

ئەمچەكسىمان

ئەمچەكلىك

ئەمچى

ئەمچىلىك

ئەمدۈرمەك

ئەمدۈرۈلمەك

ئەمدى

ئەمدىكى

ئەمدىلەتىن

ئەمدىلىكتە

ئەمر

ئەمر-پەرمان

ئەمرىمەرۇپ

ئەمرىمەرۇپچى

ئەمرىمەھەل

ئەمگەك

ئەمگەك كۈچى

ئەمگەك كۈنى

ئەمگەك ۋاسىتىلىرى

ئەمگەكⅡ

ئەمگەكچان

ئەمگەكچانلىق

ئەمگەكچى

ئەمگەكسىز

ئەمگەكقاراش

ئەمگەكلىكⅠ

ئەمگەكلىكⅡ

ئەمگىمەك

ئەملەتمەك

ئەملەشمەك

ئەملەنمەك

ئەملىتىلمەك

ئەملىمەك

ئەممەك

ئەمىر

ئەمىرزادە

ئەمىرلىك

ئەمىر-ئۆمەرا

ئەمىسە

ئەمىن

ئەمىنلىك

ئەنⅠ

ئەنⅡ

ئەنⅢ

ئەنⅣ

ئەنە

ئەنەتكەك

ئەنە-مانا

ئەنئەنە

ئەنئەنىچى

ئەنئەنىچىلىك

ئەنئەنىلىك

ئەنئەنىۋى

ئەنئەنىۋىلىك

ئەنبەر

ئەنبەرگۈل

ئەنبەرلىك

ئەنبەھ

ئەنبىيا

ئەنبىيالىق

ئەنت

ئەنتارتقۇ

ئەنجام

ئەنجۈر

ئەنجۈرشاپتۇل

ئەنجۈرلۈك

ئەنجىبار

ئەندەك

ئەندۇ

ئەندۇۋا

ئەندىزە

ئەندىزىچى

ئەندىزىچىلىك

ئەندىزىلىك

ئەندىشە

ئەندىشىسىز

ئەندىشىلىك

ئەندىكتۈرمەك

ئەندىكتۈرۈلمەك

ئەندىكمەك

ئەندىكىشمەك

ئەنزار

ئەنزە

ئەنسىرەتمەك

ئەنسىرەشمەك

ئەنسىرىمەك

ئەنسىزⅠ

ئەنسىزⅡ

ئەنسىزⅢ

ئەنسىزچىلىك

ئەنسىزلەندۈرمەك

ئەنسىزلىك

ئەنقا

ئەنكاپ

ئەنكاپلاتماق

ئەنكاپلاشماق

ئەنكاپلانماق

ئەنكاپلىماق

ئەنگىلىشىم

ئەنلەتمەكⅠ

ئەنلەتمەكⅡ

ئەنلەشمەك

ئەنلەنمەك

ئەنلىك

ئەنلىمەكⅠ

ئەنلىمەكⅡ

ئەھە

ئەھەي

ئەھدە

ئەھدۇپەيمان

ئەھدىلەشمەك

ئەھدىنامە

ئەھكام

ئەھل

ئەھلىسەلىپ

ئەھلىمەھەللە

ئەھمىيەت

ئەھمىيەتسىز

ئەھمىيەتلىك

ئەھۋال

ئەھۋالات

ئەھۋاللاشماق

ئەھيا

ئەھيان

ئەۋەتكۈزمەك

ئەۋەتمەك

ئەۋەتىشمەك

ئەۋەتىلمەك

ئەۋپارىقۇن

ئەۋج

ئەۋجلىك

ئەۋرە

ئەۋرەت

ئەۋرە-چەۋرە

ئەۋرە-چەۋرىلىك

ئەۋرەز

ئەۋرىشكە

ئەۋرىشكىلىك

ئەۋرىشىم

ئەۋرىشىملىك

ئەۋزەلⅠ

ئەۋزەلⅡ

ئەۋزەللەشتۈرمەك

ئەۋزەللەشتۈرۈشمەك

ئەۋزەللەشتۈرۈلمەك

ئەۋزەللەشمەك

ئەۋزەللىك

ئەۋقاپ

ئەۋلاد

ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا

ئەۋلادسىز

ئەۋلادسىزلىق

ئەۋلادلىق

ئەۋلادمۇئەۋلاد

ئەۋلىيا

ئەۋلىيا-ئەنبىيا

ئەۋلىيالارچە

ئەۋلىيالىق

ئەۋمەك

ئەيⅠ

ئەيⅡ

ئەيان

ئەيتاۋۇر

ئەيدۈرمەك

ئەيش

ئەيش-ئىشرەت

ئەيش-ئىشرەتلىك

ئەيلەتمەكⅠ

ئەيلەتمەكⅡ

ئەيلەشمەكⅠ

ئەيلەشمەكⅡ

ئەيلەمچى

ئەيلەنمەكⅠ

ئەيلەنمەكⅡ

ئەيلىبان

ئەيلىگۈچ

ئەيلىمەكⅠ

ئەيلىمەكⅡ

ئەيمەك

ئەيمەندۈرمەك

ئەيمەنمەك

ئەيمىنەرلىك

ئەيمىنىشمەك

ئەينەك

ئەينەكچى

ئەينەكچىلىك

ئەينەكسىز

ئەينەكسىزلەنمەك

ئەينەكسىزلىنىش

ئەينەكسىمان

ئەينەكلىك

ئەينەن

ئەينەنسىز

ئەينەنسىزلىك

ئەينەنلىك

ئەينۇ

ئەينۇلا

ئەينۇلىلىق

ئەينى

ئەينىيەت

ئەيۋەش

ئەيىب

ئەيىبدار

ئەيىبدارلىق

ئەيىبسىز

ئەيىبسىزلىك

ئەيىبكار

ئەيىبكارلىق

ئەيىبلەشمەك

ئەيىبلەنمەك

ئەيىبلەنگۈچى

ئەيىبلىك

ئەيىبلىگۈچى

ئەيىبلىمەك

ئەيىبناق

ئەيىبنامە

ئەييام

ئەييۇھەنناس

ئىزاھى

ئەⅠ

  • ئەⅠ[يەشمىسى:] ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ ئىككىنچى ھەرپى. شۇ ھەرپنىڭ نامى ۋە ئوقۇلۇشى. رەت جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان شەيئىنى بىلدۈرىدۇ.

ئەⅡ

  • ئەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] يۈك. پېئىللارنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىپ، تەكىتلەشنى بىلدۈرىدۇ، مەسىلەن: كۆر+ە = كۆرە، ياز+ە=يازە، ماڭ+ە=ماڭە.

ئەⅢ

  • ئەⅢ[يەشمىسى:] تۇرغۇن سۆزلەردىن پېئىل ياسايدىغان قوشۇمچە، مەسىلەن: تۈن+ە=تۈنە، تۈز+ە=تۈزە، كۈچ+ە=كۈچە.

ئە-ئە

  • ئە-ئە[يەشمىسى:]دىيال. ئەجەبلىنىش، ياراتماسلىق تۇيغۇلىرىنى بىلدۈرىدىغان ئىملىق سۆز.

ئەبەد

  • ئەبەد[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاخىر، پايانى يوق كېلەچەك زامان؛ مەڭگۈلۈك، ھەمىشە، دائىما:[مىسال:]

  • ئانا ۋەتەن ساڭا سادىق قىزىل قەلبىم،

  • سېنى كۈيلەپ تا ئەبەدكە ناخشام ياڭرار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەڭگۈ، ئەبەدىي؛ ئۆمۈرۋايەت:[مىسال:]

  • ئۇنتۇماستىن سېنى خەلقىڭ،

  • ئەبەد ساقلايدۇ نامىڭنى.

ئەبەدىلئەبەد

  • ئەبەدىلئەبەد[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئەبەدىي، مەڭگۈ، ئۆمۈرۋايەت، ھەمىشە:[مىسال:] مەن ئەمدى ئائىلىمىزنىڭ بەخت گۈلىنىڭ ئەبەدىلئەبەد توزۇپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالمايمەن.

ئەبەدىي

  • ئەبەدىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دائىمىي؛ مەڭگۈ:[مىسال:] ئەبەدىي خاتىرە. ئەبەدىي ساقلانماق.

ئەبەدىيەت

  • ئەبەدىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئەبەدىيلىك، مەڭگۈلۈك.

ئەبەدىيلەشتۈرمەك

  • ئەبەدىيلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەبەدىيلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئەبەدىيلەشتۈرۈشمەك

  • ئەبەدىيلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ئەبەدىيلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەبەدىيلەشتۈرۈلمەك

  • ئەبەدىيلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئەبەدىيلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەبەدىيلەشمەك

  • ئەبەدىيلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئەبەدىي يوقالمايدىغان، بۇزۇلمايدىغان، ئۇنتۇلمايدىغان، مەڭگۈ قالىدىغان بولماق.

ئەبەدىيلىك

  • ئەبەدىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دائىملىق، مەڭگۈلۈك:[مىسال:] ئەبەدىيلىك كۈچ.

ئەبجەت

  • ئەبجەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئەرەب ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن ۋە ھەر قايسى ھەرپنىڭ سان قىممىتىنى ئەستە ساقلاش ئۈچۈن ئويلاپ چىقىرىلغان سەككىز سۆزنىڭ بىرىنچىسى. بۇ سەككىز سۆز «ئەبجەت، ھەۋۋەز، ھۇتتىي، كەلەمەن، سەئۇفەس، قەرەشەت، سەخخەز، زەزەغ» لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەبجەش

  • ئەبجەش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئارىلاشما بولغان، ئارىلاشتۇرۇلغان، ئارىلاشما:[مىسال:] ئەبجەش ماي. ئەبجەش نان. ئەبجەش قىلماق.

ئەبجەق

  • ئەبجەق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشتىن، كاردىن چىققان، كېرەكسىز، بۇزۇلغان:[مىسال:] ئەبجەق ھارۋا.  ئىدارىنىڭ ئەبجەق ۋېلىسىپىتى بىلەن يول يۈرۈش ماڭا پىيادە ماڭغاندىنمۇ ئېغىر ئىدى.

ئەبگار

  • ئەبگار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ھال-ئەھۋالى ناچار، يامان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان؛ خاراب:[مىسال:] بۇ جاراھەتلەر ئۇنى تولىمۇ كۆرۈمسىز، ئەبگار كۆرسىتىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② ئورۇق، زەئىپ، جۈدەڭگۈ؛ ئاجىز:[مىسال:] ئەتىياز كۈنى تاغدىن ھەيدەپ كېلىنگەن قويلارنىڭ ھەممىسى ئەبگار ئىكەن.

ئەبگارلاشتۇرماق

  • ئەبگارلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئەبگارلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يىلقى تەبىئىي ئاپەت نۇرغۇن چارۋىلارنى ئەبگارلاشتۇرۇۋەتتى.

ئەبگارلاشتۇرۇشماق

  • ئەبگارلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ئەبگارلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەبگارلاشتۇرۇلماق

  • ئەبگارلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئەبگارلاشتۇرماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەبگارلاشماق

  • ئەبگارلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ھال-ئەھۋالى ناچارلاشماق، تۇرمۇشى يامان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماق؛ كەمبەغەللەشمەك، نامراتلاشماق:[مىسال:] ئۇ يىلدىن يىلغا ئەبگارلىشىپ كەتتى. [يەشمىسى:] ② جۈدەپ، ئورۇقلاپ زەئىپلىشىپ كەتمەك، ئاجىزلىماق:[مىسال:] بۇ يىل ئەتىياز ماللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەبگارلىشىپ كەتتى.

ئەبگارلىق

  • ئەبگارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەبگار ھالەت، زەئىپلىك.

ئەبلەخ

  • ئەبلەخ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قىلمىشى، ھەرىكىتى چېكىدىن ئاشقان، ئۆتۈپ كەتكەن قەبىھ؛ يارىماس، رەزىل:[مىسال:] ئۆزۈم ئۈچۈن قېچىشقا ئەپلىك بىر يەرنى تاللاپ، بۇ ئەبلەخنى يىغىشتۇرۇپ قاچمىسام بولمايتتى.

ئەبلەخلىق

  • ئەبلەخلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەسكەش، رەزىل قىلمىش، چېكىدىن ئاشقان قەبىھ ئىش-ھەرىكەت:[مىسال:] كۈپكۈندۈزدە قىزلارنىڭ ئالدىنى توسۇش ئۆتۈپ كەتكەن ئەبلەخلىق.

ئەبنۇس

  • ئەبنۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يەر شارىنىڭ ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىدا ئۆسىدىغان، ياغىچى قاتتىق، قارامتۇل بىر خىل دەرەخ.

ئەپ

  • ئەپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① لايىق، مۇۋاپىق، ماس، قۇلاي، باب:[مىسال:] بۇ جاي ياز كۈنلىرى دەم ئېلىشقا ناھايىتىمۇ ئەپ. [يەشمىسى:] ② ئىناق، ئېجىل، يېقىن:[مىسال:] ئۇ ئايالى بىلەن ئەپ.

ئېپىنى قىلماق

  • ئېپىنى قىلماق[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنىڭ چارىسىنى، ئامالىنى، يولىنى تېپىشقا كىرىشمەك، شۇ يولدا ئىزدەنمەك:[مىسال:] پات يېقىندا بولىدىغان تويىمىزنىڭ تەييارلىقى ئۈچۈن بىرەر-يېرىم ئېغىز ئۆي تېپىشنىڭ ئېپىنى قىلىۋاتىمەن.

ئەپەندى

  • ئەپەندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]گرېكچە[[يەشمىسى:] ① جاناب. [يەشمىسى:] ② ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ ئىسمىغا قوشۇلۇپ ھۆرمەت مەنىسىنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ ئوقۇتقۇچى، مۇئەللىم:[مىسال:] مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە بەش يىل ئەپەندى بولدۇم.[يەشمىسى:] ④ خوجا نەسىردىننىڭ سۈپىتى ياكى لەقىمى:[مىسال:] ئەپەندى لەتىپىلىرى.

ئەپەندىچىلىك

  • ئەپەندىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەپەندىلىك، مۇئەللىملىك:[مىسال:] ئەپەندىچىلىك دېگەن ئاسان گەپ ئەمەس. بالىلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن باش قاتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ئەپەندىلىك

  • ئەپەندىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەپەندىچىلىك:[مىسال:] دادام ئوتتۇز يىل ئەپەندىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، مائارىپقا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.

ئەپەندىم

  • ئەپەندىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشى ئىسمىغا قوشۇلۇپ ھۆرمەتنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئەخمەتجان ئەپەندىم «دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمىنى بىزنىڭ دوستىمىز» دېگەنىدى.

ئەپت

  • ئەپت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يۈز، چىراي، بەشىرە، بەت:[مىسال:] قىيا ئېچىلغان ئىشىكتىن پەيزۇللانىڭ ھىجىيىپ تۇرغان ئەپتى كۆرۈندى.[يەشمىسى:] ② تاشقى كۆرۈنۈش، قىياپەت، تەقى-تۇرق، ھالەت:[مىسال:] ئۇنىڭ بېجىرىم ۋە قاۋۇل كەلگەن ئەپتىدىن كۈچ يېغىپ تۇراتتى.

ئەپت-بەشىرە

  • ئەپت-بەشىرە[يەشمىسى:] ① كىشىنىڭ ئەپتى، بەشىرىسى، يۈزى، چىرايى، تەلەتى:[مىسال:] ئۇنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىدىن قايغۇ-ھەسرەت ۋە ئاچچىق ئەلەم تارتىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بىلىنىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىنىڭ ئىچكى دۇنياسى، مەنىۋى قىياپىتى:[مىسال:] بۇ سۆزلەر ھامۇتنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئامما ئالدىدا چىتقا يايدى.

ئەپچىل

  • ئەپچىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چاققان، چېۋەر، چەبدەس:[مىسال:] سادىقنىڭ ئەپچىل بىر ئىنىسى قازناقنىڭ تۈڭلۈكىدىن چۈشۈپ تۇلۇمنى يېشىۋېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئەپلىك، قۇلاي، مۇۋاپىق، باب:[مىسال:] ئەخمەتجان ئۇنىڭ قولىدىكى ۋېلىسىپىتنى ئېلىپ ئۆستەڭ بويىغا ئەكىلىپ ئەپچىل بىر جايغا قويۇپ قويدى.[يەشمىسى:] ③ كېلىشكەن، تۈزۈك، جايىدا:[مىسال:] ئۇ بۈگۈن ئۆزىگە گىرىم قىلىپ، چاچلىرىنى يۇيۇپ-تاراپ، خېلىلا ئەپچىل ئايال بولۇپ قالغانىدى.

ئەپچىللەشمەك

  • ئەپچىللەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەپچىل بولماق، ئەپچىل ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] سەنمۇ خېلىلا ئەپچىللىشىپ قاپسەن، كۆڭلۈمدىكىنى بىلگەندەك، ئۆتكەلدىن چاندۇرماي ئۆتۈپ كەتتىڭ.

ئەپچىللىك

  • ئەپچىللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاققان، چېۋەر ئىش-ھەرىكەت؛ چەبدەسلىك:[مىسال:] قىز ئەپچىللىك بىلەن ۋېلىسىپىتكە مىنىپ، شەھەرگە قاراپ چاپتى.

ئەپسانە

  • ئەپسانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئېغىزدىن ئېغىزغا، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا كۆچۈپ كېلىۋاتقان سىرلىقلاشتۇرۇلغان ھېكايە؛ رىۋايەت، داستان:[مىسال:] يۇنان ئەپسانىلىرى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاساسسىز گەپ، ئويدۇرما:[مىسال:] مۇراتبېك تاغىنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىرى بىر ئەپسانە ئىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەقىلگە سىغمايدىغان، مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن، مىسلى كۆرۈلمىگەن نەرسە، ئىش:[مىسال:] ھازىرقى زامان پېنىنىڭ تەرەققىياتى ئەپسانىلەرنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

ئەپسانىچى

  • ئەپسانىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەپسانىۋى ھېكايە ئېيتقۇچى، مەدداھ.

ئەپسانىشۇناس

  • ئەپسانىشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئەپسانە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى مۇتەخەسسىس، ئالىم.

ئەپسانىشۇناسلىق

  • ئەپسانىشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەپسانە ھەققىدىكى ئىلىم.

ئەپسانىلەشتۈرمەك

  • ئەپسانىلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەپسانىلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى بۇ يەردىن ھېچ نەرسىگە نەزەر كۆزىنى سالماي ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن رەۋەندە مىللىي ئارمىيىنىڭ ياخشىلىقىنى بىرنى ئون قىلىپ سۆزلىگەن، ھەتتا ئەپسانىلەشتۈرىۋەتكەن.

ئەپسانىلەشتۈرۈشمەك

  • ئەپسانىلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ئەپسانىلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەپسانىلەشتۈرۈلمەك

  • ئەپسانىلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئەپسانىلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ياش بالىلارنىڭ ئەپسانىلەشتۈرۈلگەن نەرسىلەرنى ئوقۇشىمۇ ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس.

ئەپسانىلەشمەك

  • ئەپسانىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەپسانىگە ئايلانماق.

ئەپسانىۋى

  • ئەپسانىۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئەپسانىلەشتۈرۈلگەن، ئەپسانىگە ئائىت:[مىسال:] ئەپسانىۋىرردىلا مەۋجۇت بولغان، ئالەمدە يوق، خىيالىي:[مىسال:] «ئىراق مۇقامىنىڭ باشلىنىش مۇزىكىسى»نىڭ تېكىستىدا مۇھەممەت سىدىق زەلىلىنىڭ ئەپسانىۋى جەننەتنى رەت قىلىدىغان، ئالەمگە تەبىئەت كۆزقارىشى بىلەن نەزەر تاشلايدىغان شېئىرىي جۈملىلىرىنى ئۇچرىتىمىز.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەقىلگە سىغمايدىغان، مىسلى كۆرۈلمىگەن، ئويدۇرما، توقۇلما:[مىسال:] ئەپسانىۋى گەپ.

ئەپسانىۋىلىك

  • ئەپسانىۋىلىك[يەشمىسى:] [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەپسانىۋى ھەرىكەت، ئەپسانىۋى قىلىق.

ئەپسۇس

  • ئەپسۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆكۈنۈش، ئېچىنىش، پۇشايماننى بىلدۈرىدۇ؛ ئىسىت:[مىسال:] ئۆتتى، ئەپسۇس، كۆپ كېچە يۇلتۇز ساناپ، ئايغا قاراپ. ھېلىمۇ بەك كەچ ئەمەس، ماڭسام ھامان ئالغا قاراپ.

ئەپسۇسكى

  • ئەپسۇسكى[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] «ئەپسۇس» سۆزىنىڭ كۈچەيتىش فورمىسى:[مىسال:] ئەجەب ياخشى نەغمە قىلدى بۇلار. ئەپسۇسكى، ناخشىلىرىنى ئاڭلىيالمىدۇق.

ئەپسۇسلاندۇرماق

  • ئەپسۇسلاندۇرماق[يەشمىسى:] «ئەپسۇسلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ئىشلار مېنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇردى.

ئەپسۇسلاندۇرۇلماق

  • ئەپسۇسلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئەپسۇسلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەپسۇسلانماق

  • ئەپسۇسلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پۇشايمان قىلماق، پۇشايمان يېمەك، ئۆكۈنمەك، ئېچىنماق:[مىسال:] مەن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن قاتتىق ئەپسۇسلاندىم.

ئەپسۇسلۇق

  • ئەپسۇسلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەپسۇسلىنىدىغان، ئەجەبلىنىش ھېس قىلىدىغان ھالەت:[مىسال:] ئەزىز چوڭ بىر ئىشتىن زىيان تارتقاندەك چوڭقۇر ئەپسۇسلۇق ئىچىدە بوغۇلۇپ ۋارقىرايتتى.

ئەپسۇسلىنارلىق

  • ئەپسۇسلىنارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىگە ئەپسۇسلۇق ھېس قىلدۇرىدىغان، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان:[مىسال:] شۇنىسى ئەپسۇسلىنارلىقكى، بىزنىڭ بەزى ئاپتورلىرىمىزمۇ ئۆزىگە ۋە تەھرىرلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلمايدۇ.

ئەپسۇسلىنىشماق

  • ئەپسۇسلىنىشماق[يەشمىسى:] «ئەپسۇسلانماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كېيىن ئۇلار قىلغانلىرىغا قاتتىق ئەپسۇسلىنىشتى.

ئەپسۇن

  • ئەپسۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] جادۇ، سېھىر قىلىش مەقسىتىدە ئوقۇلىدىغان ھەر خىل دۇئا:[مىسال:] ئۇ بۇ يەردىن بىرئاز توپا ئېلىپ كىشى چۈشەنمەيدىغان ئەپسۇنلارنى ئوقۇدى.

ئەپسۇنچى

  • ئەپسۇنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەپسۇن ئوقۇيدىغان كىشى؛ جادۇگەر، سېھىرگەر، سېھىرچى.

ئەپسۇنچىلىق

  • ئەپسۇنچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەپسۇن ئوقۇش ئىشى، ئەپسۇن بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتى.

ئەپسىز

  • ئەپسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەپ بولمىغان، بىئەپ، قۇلايسىز:[مىسال:] بوۋاي گېپىنىڭ داۋامىنى قىلىشنى ئەپسىز كۆرگەندەك بىردىنلا توختاپ قالدى.

ئەپسىزلەنمەك

  • ئەپسىزلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەپسىز دەپ بىلمەك، ئەپسىز كۆرمەك؛ ئەپسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالماق:[مىسال:] مۇئەللىم بۇ ھالەتتىن ئۆزىمۇ ئەپسىزلىنىپ ئۇدۇل سادىق تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.

ئەپسىزلىك

  • ئەپسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەپسىز ھالەت، قۇلايسىزلىق:[مىسال:] روشەن بۇ يەردە ئارتۇقچە تۇرۇشنىڭ ئەپسىزلىكىنى بىلىپ دەرھال كەتتى.

ئەپغان

  • ئەپغان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] پىغان، نالە-پەرياد، نالە-زار:[مىسال:]

  • شەمسى جانان ئەي نىگارا قايدىسەن،

  • ۋىسالىڭغا ئەمدى قاچان يېتەرمەن،

  • قاي تامانغا باشىم ئېلىپ يۈرەرمەن،

  • مەن نەيلىيىن ياردىن ئەپغان بولمىسا.

ئەپقاچماق

  • ئەپقاچماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[قۇرۇلمىسى:]]ئېلىپ+قاچماق[[يەشمىسى:] ئېلىپ كەتمەك، ئېلىپ قاچماق:[مىسال:] جەدە ئات مىنگەن ئېگىز بوي ئوغلاقچى توپ ئىچىدىن ئۈزۈلۈپ چىقىپ، ئوغلاقنى ئەپقاچتى.

ئەپكار

  • ئەپكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] پىكىر؛ پىكىرلەر.

ئەپكەش

  • ئەپكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] چېلەك، سېۋەت ۋە باشقا يۈك-تاقلارنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، بالداق ياغاچنىڭ ئىككى ئۇچىغا ئىلمەك تۆمۈر ياكى ياغاچ ئىلمەك بېكىتىلگەن سايمان.

ئەپكەشچى

  • ئەپكەشچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەپكەش بىلەن سۇ ۋە باشقا نەرسىلەرنى توشۇيدىغان ئادەم.

ئەپكەشلىك

  • ئەپكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئەپكەش كۆتۈرگەن:[مىسال:] سۇ توشۇغانلارنىڭ تۆتى ئەپكەشلىك ئىدى.[يەشمىسى:] ② ئەپكەش قىلىدىغان، ئەپكەش بولىدىغان؛ ئەپكەشكە لازىملىق:[مىسال:] بىزنىڭ ئۆيدە بىر ئەپكەشلىك بامبۇك ياغىچى بار.

ئەپلاتون

  • ئەپلاتون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] قەدىمكى گرېك ئالىمى پلاتوننىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى.

ئەپلاتوننىڭ زەنجىرىنى ئۈزىدىغان

  • ئەپلاتوننىڭ زەنجىرىنى ئۈزىدىغان[يەشمىسى:] ھېچنىمىدىن يانمايدىغان، جاھىل ۋە كاجلىقتا ئۇچىغا چىققان:[مىسال:] ئۇمۇ ئەپلاتوننىڭ زەنجىرىنى ئۈزىدىغانلارنىڭ بىرى.

ئەپلەپ-سەپلەپ

  • ئەپلەپ-سەپلەپ[يەشمىسى:] بىرەر ئامال تېپىپ، بىرەر چارە-تەدبىرلەر، ھەر خىل يوللار ئارقىلىق:[مىسال:] ئۇلار ئىشنى ئەپلەپ-سەپلەپ تۈگىتىشنى مەقسەت قىلاتتى.

ئەپلەتمەك

  • ئەپلەتمەك[يەشمىسى:] «ئەپلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئەپلەشتۈرمەك

  • ئەپلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەپلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] رەشىدە مېۋە-چېۋە، نان-توقاچ، پېچىنە-پىرەنىكلەرنى ھەر خىل تەخسە، قەنتدانلارغا ئەپلەشتۈرۈپ تىزدى.

ئەپلەشتۈرۈشمەك

  • ئەپلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ئەپلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەپلەشتۈرۈلمەك

  • ئەپلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئەپلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەپلەشمەك

  • ئەپلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مۇۋاپىقلاشماق، ماسلاشماق، باب كەلمەك، جايىغا چۈشمەك:[مىسال:] ئىش ئەپلىشىپ نەپ تەگكەنچە ئۇنىڭ نەپسى يوغىناشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② ياراشماق، ئىتتىپاقلاشماق، ياخشىلاشماق، چىقىشىپ قالماق:[مىسال:] ئۇلار تويدىن كېيىن بىر-بىرى بىلەن بىر ئوبدان ئەپلىشىپ قالدى.

ئەپلەنمەك

  • ئەپلەنمەك[يەشمىسى:] ① «ئەپلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② تەمشەلمەك، تەرەددۇت قىلماق:[مىسال:] پەرھاد يېزىپ بولىشىغا ئۇ قۇمىلىقىنى يىغىشتۇرۇپ، تەزىم قىلدى-دە، مېڭىشقا ئەپلەندى.

ئەپلىك

  • ئەپلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مۇۋاپىق، قۇلاي، ئوڭۇشلۇق:[مىسال:] نادەم ئۆمىلەپ بىر قەبرە يېنىغا ماڭدى. ۋارىسجانمۇ نادەمنىڭ كەينىدىن شۇ يەرگە بېرىپ ئەپلىك بىر جايغا ئورۇنلاشتى.[يەشمىسى:] ② چاققان؛ ئەپچىل:[مىسال:] قىزچاقنىڭ ئەۋرىشىم بارماقلىرى ئاجايىپ ئەپلىك ئىكەن.[يەشمىسى:] ③ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدىغان، چېۋەر، ماھىر:[مىسال:] قادىرنىڭ قولى ئەپلىك بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ چاچ-ساقاللىرىنى ياساپ قوياتتى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىناق، ئىتتىپاق؛ يېقىن، ئېجىل:[مىسال:]

  • كەندىر تۈۋىدە كەكلىك،

  • مەن يارىم بىلەن ئەپلىك.

  • ئوڭ يېنىدا چېچى بار،

  • تولغاپ سۆيگىلى ئەپلىك.

ئەپلىمەك

  • ئەپلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مۇۋاپىق، جايىدا بېجىرمەك، پەم بىلەن قىلماق:[مىسال:] ئىمىن پالگان ياخشى ئەر، ھەممە ئىشنى ئەپلىگەن. ئۈركۈپ قاچقان دۈشمەننىڭ توغراققا بېشىنى كەپلىگەن.[يەشمىسى:] ② قاملاشتۇرماق، جايلىماق، بابلىماق:[مىسال:] سايىم ئاكا ئۆز رەقىبىنى دالدا يەردە ئەپلەپ تۇرۇپ بىر سالدى-دە، ئۇنى جايىدىن قوپالماس قىلىپ قويدى.

ئەپۇ

  • ئەپۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كەچۈرۈم، ئۆزرە:[مىسال:] ئەپۇ سورىماق. ئەپۇ قىلماق.

ئەپيەڭگە

  • ئەپيەڭگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:]]ئەپ+يەڭگە[[يەشمىسى:] ئاكا-ئۇكىنىڭ خوتۇنلىرى (بىر-بىرىگە نىسبەتەن):[مىسال:] ئۇلار بىر ئۆمۈر ياخشى ئەپيەڭگە بولۇپ ئۆتكەن.

ئەپيۈن

  • ئەپيۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەپيۈنگۈلنىڭ تولۇق پىشمىغان ياكى پىشىش ئالدىدا تۇرغان غوزىسىنىڭ شىرنىسىدىن تەييارلىنىدىغان، قاتتىق مەست قىلىدىغان بىر خىل زەھەرلىك چېكىملىك.

ئەپيۈنچى

  • ئەپيۈنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەپيۈن تېرىيدىغان، ئەپيۈن ساتىدىغان كىشى.

ئەپيۈنچىلىك

  • ئەپيۈنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەپيۈن تېرىپ ئۆستۈرۈش، ئەپيۈن سېتىش ئىشى.

ئەپيۈنكەش

  • ئەپيۈنكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] داۋاملىق ئەپيۈن چېكىدىغان، ئەپيۈنخۇمار ئادەم:[مىسال:] خەلقنىڭ كۆز يېشى، نالىسى ئەپيۈنكەشلەرنىڭ ئىسلاشقان دىلىنى ئېرىتەلمەيدۇ.

ئەپيۈنكەشلىك

  • ئەپيۈنكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دائىم ئەپيۈن چېكىش ئادىتى.

ئەپيۈنگۈل

  • ئەپيۈنگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەپيۈن+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئەپيۈنگۈل ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى قىزىل، ھال ياكى ئاق رەڭلىك بولىدۇ؛ مېۋىسى شار شەكلىدە بولۇپ، تېخى پىشمىغان ۋاقتىدا پوستى تىلىپ قويۇلسا ئەپيۈن ئىشلەشكە بولىدىغان بىر خىل شىرنە ئېقىپ چىقىدۇ؛ مېۋە شاكىلىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ.ئاغرىق پەسەيتىش، تىنچلاندۇرۇش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش روللىرىغا ئىگە.

ئەت

  • ئەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ گۆشى:[مىسال:] ئەت قونماق. ئەت تۇتماق.[يەشمىسى:] ② بەزى مېۋىلەرنىڭ گۆش قىسمى:[مىسال:] ئېتى چۈرۈك قوغۇن.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يەرنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى مۇنبەت، ھوسۇللۇق قىسمى:[مىسال:] ئەت توپا.

ئەتە

  • ئەتە [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بۈگۈندىن كېيىنكى بىر كۈن:[مىسال:] بۈگۈن ماڭا كەلدى، ئەتە ساڭا كېلەر(ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېقىن ۋاقىت؛ يېقىن كەلگۈسى، كېلەچەك:[مىسال:]

  • ئادا بولدى گۈل ئالدىدا شەرتىمىز

  • كېلەر ئەمدى قەنتتىن تاتلىق ئەتىمىز.

ئەتە-ئاخشام

  • ئەتە-ئاخشام[يەشمىسى:] ئۆتۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى:[مىسال:] تاغامنىڭ قىزى ھەر كۈنى ئەتە-ئاخشامدا ئۇنىڭ يېنىغا كىرەتتى.

ئەتە-ئۆگۈن

  • ئەتە-ئۆگۈن[يەشمىسى:] ئەتە ياكى ئۆگۈن؛ پات ئارىدا، يېقىن ئارىدا:[مىسال:] ھازىر كۈنمۇ خېلى ئىسسىپ قالدى، ئەتە-ئۆگۈن تېرىقچىلىق باشلىنىدۇ.

ئەتەي

  • ئەتەي[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىر مەقسەت يۇشۇرۇنغان ھالدا، بىلەسكە سېلىپ؛ بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن:[مىسال:] مەن قىزنىڭ روھىي ئىنتىلىشلىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئەتەي ئۇنى كۆپرەك سۆزلەتتىم.[يەشمىسى:] ② ئالايىتەن، مەخسۇس، ئاتاپ:[مىسال:] مەن ئەتەي سىزنى يوقلىغىلى كەلدىم.

ئەتەيلەپ

  • ئەتەيلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «ئەتەي»گە قاراڭ:[مىسال:] ھەمشىرە، ئۇ سىزنى دەپ ئۆزىنى ئەتەيلەپ ئاغرىققا سالىدۇ، ئۆزى بولسا ئاتتەك ساق.

ئەتتار

  • ئەتتار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئەتىر، ئۇپا-ئەڭلىك قاتارلىق خۇشبۇي زىننەت بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان كىشى؛ ئەتىرچى.

ئەتتەڭ

  • ئەتتەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ئەپسۇسلىنىش ياكى پۇشايمان تۇيغۇسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئەتتەڭ، مەن بارغان بولسام بوپتىكەن.

ئەتتەڭەي

  • ئەتتەڭەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] «ئەتتەڭ»گە قاراڭ.

ئەتتىكەن

  • ئەتتىكەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەت+تىكەن[[يەشمىسى:] ئادەمنىڭ تىرنىقى ئەتراپىدىن كۆتۈرۈلۈپ قالىدىغان تىكەندەك ئىنچىكە تېرە.

ئەتتىگىنەي

  • ئەتتىگىنەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] «ئەتتەڭ»گە قاراڭ.

ئەتراپ

  • ئەتراپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تۆت تەرەپ، پەرق ئەتكەن ھەممە ياق:[مىسال:] كۈندۈزى گەپ قىلساڭ، ئەتراپىڭغا باق، كېچىسى گەپ قىلساڭ، قۇلاقنى قۇلاققا ياق (ماقال).[يەشمىسى:] ② كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن يېقىن جاي:[مىسال:] يېرىم سائەتتىن كېيىن يېقىن ئەتراپتا زەمبىرەكلەر گۈلدۈرلەشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ③ مەلۇم نەرسىنىل چۆرىسى:[مىسال:] ھازىر كەلگەن مېھمانلار ئۈستەل ئەتراپىغا توپلىشىپ ئولتۇردى.

ئەتراپلىق

  • ئەتراپلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەممە تەرەپنى تەڭ كۆزىتىپ، تەڭ ھېسابقا ئالغان، ئومۇمىي جەھەتلەرنى كۆزدە تۇتقان:[مىسال:] ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپلىق، سىستېمىلىق پەننىي بىلىملەرنى بېرىش. ∥ ئۇ فورمۇلىنى ئەتراپلىق يېشىپ بەردى.

ئەترەت

  • ئەترەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① ھەربىي گۇرۇپپا:[مىسال:] بىز بەشىمىز رەتلىك تىزىلىپ، ھەربىي قائىدە بويىچە يېڭى ئەترەت باشلىقىمىزنى قارشى ئالدۇق.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش، پائالىيەت، خىزمەت ئۈچۈن ئويۇشتۇرۇلغان كىشىلەر توپى، گۇرۇپپا:[مىسال:] ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا، سىنىپ بويىچە بىرىنچى تۈركۈمدە قىزىل گالستۇك تاقاپ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى بولغان.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىئولوگىيىدىكى بىر سىنىپقا ياتىدىغان ۋە بەلگىلىرىنىڭ ئوخشاشلىقىغا ئاساسەن ئايرىلغان جانلىقلار توپى. مەسىلەن: قۇشلار سىنىپى، توخۇ شەكىللىكلەر ئەترىتى، قارىغاي سىنىپى، كۈمۈشئۆرۈك ئەترىتى دېگەنلەرگە ئوخشاش.

ئەتسىز

  • ئەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئېتى، گۆشى يوق، ئەت قونمىغان، گۆشسىز، ياداڭغۇ، جۈدەڭگۈ، ئورۇق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇۋالغان نىجاتچىسىغا بولغان مىننەتدارلىق ياشلىرى ئەتسىز مەڭزىنى بويلاپ ئېقىپ چۈشۈشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئوت-چۆپ ۋە باشقا ئۆسۈملۈكلەر ياخشى ئۆسمەيدىغان، كەم ھوسۇل، ئۈنۈمسىز:[مىسال:] ئەتسىز تۇپراق.

ئەتكەس

  • ئەتكەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] دۆلەت ئېلىپ-سېتىشنى مەنئى قىلغان، دۆلەت سودا سىياسىتىگە، باج تۈزۈمىگە خىلاپ، قانۇنسىز، چەكلەنگەن:[مىسال:] ئەتكەس مال.

ئەتكەسچى

  • ئەتكەسچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>سودا<[يەشمىسى:] ئەتكەس ماللارنى ئېلىپ ساتقۇچى كىشى.

ئەتكەسچىلىك

  • ئەتكەسچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەتكەس ماللارنى ئېلىپ-سېتىش پائالىيىتى:[مىسال:] ئەتكەسچىلىك قىلماق.

ئەتكەنچاي

  • ئەتكەنچاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەتكەن+چاي[[يەشمىسى:] قېنىق دەملەنگەن قارا چايغا سۈت ۋە تۇز ئارىلاشتۇرۇپ ئېتىلگەن چاي:[مىسال:] ئۇ ئۇزاق يىللار داۋامىدا ئەتكەنچايغا ئادەتلىنىپ قالغانىدى.

ئەتكۈزمەكⅠ

  • ئەتكۈزمەكⅠ[يەشمىسى:] «ئەتمەكⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تۈنۈگۈن بالامغا ئېيتىپ باغنىڭ شورىسىنى ئەتكۈزۈۋەتتىم.

ئەتكۈزمەكⅡ

  • ئەتكۈزمەكⅡ[يەشمىسى:] «ئەتمەكⅡ» پېئىلىنڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تاماق ئەتكۈزمەك.

ئەتلەس

  • ئەتلەس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىر يۈزى يالتىراق ھەم گۈلى ئوچۇق كۆرۈنىدىغان، يەنە بىر يۈزىنىڭ گۈلى سۇس يەرلىك يىپەك رەخت.

ئەتلەسچى

  • ئەتلەسچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەتلەس توقۇش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى.

ئەتلەسچىلىك

  • ئەتلەسچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەتلەس توقۇش، سېتىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] خوتەن خەلقى ئەتلەسچىلىك، گىلەمچىلىك، قاشتاش ئويمىچىلىقى قاتارلىق ھۈنەر-سەنئىتى بىلەن تۇنۇلغان.

ئەتلەندۈرمەك

  • ئەتلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەتلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئەتلەنمەك

  • ئەتلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① گۆش قوشۇلماق، ئەت قونماق؛ سەمرىمەك:[مىسال:] ئۈچ ئايدىن بۇيان كېسەل تارتقان بوۋامنىڭ كېسەلدىن ساقىيىپ، چىرايىنىڭ ئەتلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز كۆزۈمدىن ياش كەتتى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھال-ئەھۋالى، تۇرمۇشى، كۈنى ياخشىلانماق، ھاللانماق، بېيىماق:[مىسال:] بۇ يىل غەيرەت قىلىپ ئىشلىسەك ئەتلىنىۋالىمىز، كېلەر يىلى ئېشىنىۋالساق، يەنە بىر يىلى بېيىپ قالمايمىزمۇ؟

ئەتلىك

  • ئەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئېتى بار، ئەت قونغان، سېمىز:[مىسال:] ئامانگۈلنىڭ ئەتلىك يۈزى سەل قىزارغان بولسىمۇ، لېكىن دەرھاللا ئۆزىنى تۇتۇپ ئۇمۇ بوش كەلمىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گۆشى بار، گۆش قىسمى قېلىن (قوغۇن-تاۋۇز، كاۋا ۋە ئۆرۈك، شاپتۇل قاتارلىق مېۋىلەرگە نىسبەتەن):[مىسال:] ئەتلىك قوغۇن. ئەتلىك شاپتۇل.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇنبەت، ھوسۇللۇق (تۇپراققا نىسبەتەن):[مىسال:] ئەتلىك يەر. ئەتلىك توپا.

ئەتلىمە

  • ئەتلىمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەدىنىگە تۈك چىقمىغان، ئەت كۆرۈنۈشىدىكى، قىزىل ئەت:[مىسال:] ئەتلىمە باچكا. ئەتلىمە گۆش.

ئەتمەكⅠ

  • ئەتمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ياپماق، تاقىماق:[مىسال:] ئۇ ئاستاغىنا ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى ئىچىدىن ئەتتى.[يەشمىسى:] ② ئۆزئارا تۇتاشتۇرماق؛ تۈگمىلىمەك، ئىزمىلىمەك:[مىسال:] بوۋام مېنى يولغا سالماقچى بولۇپ، خۇرجۇنۇمنىڭ ئىزمىسىنى ئالدىرىماي ئەتتى.[يەشمىسى:] ③ توسماق، ياپماق؛ ئورىماق؛ تاڭماق؛ دالدا قىلماق:[مىسال:] يۈزىنى ئەتمەك. كۆزىنى ئەتمەك. [يەشمىسى:] ④ توسماق، تورىماق، باشقۇرماق:[مىسال:] سۇنى ئەتمەك. باشلامنى ئەتمەك.

ئەتمەكⅡ

  • ئەتمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ھەر خىل خام يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلىمەك، ياسىماق، قىلماق:[مىسال:] بۇ قىز دادىسىنىڭ ئاش-تامىقىنى ئېتىپ بېرىپ، ئۆي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىكەن.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى بېجىرمەك، قىلماق:[مىسال:] ئاۋۋال تام ئەت، ئاندىن باغ ئەت (ماقال).  شاپتۇلدا باغ ئەتمە، ئۆچكىدە مال ئەتمە (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەپ بىلمەك، دەپ ھېسابلىماق، قاتارىدا كۆرمەك؛ تۇتماق:[مىسال:] موماي: قىزىم، ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ، ھەر ھالدا ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت. بۇ يىگىت سېنىڭ مۇھەببىتىڭگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلدى، دەپتۇ.[يەشمىسى:] ④ «قىلماق» مەنىلىرىدىكى ياردەمچى پېئىل رولىدا كېلىدۇ ۋە تۇرغۇن سۆزلەر بىلەن ياندىشىپ كېلىپ، ئۇنى پېئىللاشتۇرىدۇ:[مىسال:] بەخش ئەتمەك. داۋام ئەتمەك.

ئەتۋىركە

  • ئەتۋىركە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ھەر خىل ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرۇپ ياساشتا، قالپاقلىق بۇرما مىخلارنى بۇراپ چىڭىتىش، بوشىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قول سايمىنى.

ئەتىر

  • ئەتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] خۇشبۇي ماددىلارنىڭ ئىسپىرتتىكى ئېرىتمىسىدىن ئىبارەت سۇيۇقلۇق، پەرداز بۇيۇمى.

ئەتىرسوپۇن

  • ئەتىرسوپۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەتىر+سوپۇن[[يەشمىسى:] خام ئەشيالىرىغا ئەتىر ماتېرىياللىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىگەن خۇش پۇراقلىق سوپۇن:[مىسال:] تۇرسۇنگۈل بىر توقاچ ئەتىرسوپۇن ئالدى.

ئەتىرگۈل

  • ئەتىرگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەتىر+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئازغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. غولى تىك، تىكەنلىرى ناھايىتى زىچ؛ كىچىك پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماقلىق، گۈلى كۆپىنچە قىزىل، ئاق، سېرىق ئېچىلىدۇ؛ گۈلىنى چاي دەملەپ ئىچىشكە بولىدۇ، خۇش پۇراقلىق ماتېرىيال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

ئەتىرلىك

  • ئەتىرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەتىر پۇرىقى بار، ئەتىر خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، ئەتىر قوشۇلغان:[مىسال:] ئەتىرلىك بۇيۇم.

ئەتىكى

  • ئەتىكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەتە بولىدىغان، ئەتىسى يۈز بېرىدىغان:[مىسال:] ئەتىكى ئىش.  ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا(ماقال).

ئەتىگەن

  • ئەتىگەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① تاڭ يورۇغاندىن تارتىپ كۈن چىققۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت؛ سەھەر:[مىسال:] ئۇيانغا باق، بۇ يانغا باق، ئەتىگەن تۇرۇپ قوشناڭغا باق (ماقال).[يەشمىسى:] ② بەلگىلەنگەن ۋاقىتقا نىسبەتەن بالدۇر؛ ۋاقتى يېتىپ كەلمىگەن:[مىسال:] مەن ئەمدى ئون سەككىز ياشقا كىردىم، توي قىلىشقا تېخى ئەتىگەن.

ئەتىگەنكى

  • ئەتىگەنكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شۇ كۈنى ئەتىگەندىكى:[مىسال:] ئەتىگەنكى ئىش. ئەتىگەنكى تاماق. ئەتىگەنكى ۋەقە.

ئەتىگەنلەپ

  • ئەتىگەنلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئەتىگەندىلا، سەھەردىلا:[مىسال:] ئۇلار ئەتىگەنلەپ يۈرۈپ كەتتى.

ئەتىگەنلىك

  • ئەتىگەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەتىگەن ئۈچۈن تەييارلانغان، ئەتىگەن ئۈچۈن ئاتالغان؛ ئەتىگەنگە تەۋە:[مىسال:] ئەتىگەنلىك چاي. ئەتىگەنلىك مەشىق.

ئەتىلەتىن

  • ئەتىلەتىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بۈگۈندىن كېيىن، كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئەتىگىچە:[مىسال:] بىز ئىككىمىز ئەتىلەتىن سېنى يوقلىغىلى كېلىپ قالارمىز.

ئەتىلىك

  • ئەتىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەتە بولىدىغان، ئەتە قىلىنىدىغان، ئەتە يۈز بېرىدىغان، ئەتىگە ئاتاپ قويۇلغان:[مىسال:] ئەتىلىك ئىش. ئەتىلىك تاماق.

ئەتىۋار

  • ئەتىۋار[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئامما ئارىسىدا قازانغان نام، ئابرۇي، ئىشەنچ، نوپۇز، ئىناۋەت، ھۆرمەت:[مىسال:]

  • ئاق ساراي بولغان بىلەن، زەدىۋالى يوق ئىكەن.

  • ئالدىراپ بەرگەن كۆڭۈلنىڭ ئەتىۋارى يوق ئىكەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇقىرى باھالىق، قىممەت، ئاز ئۇچرايدىغان، ئېسىل، قىممەتلىك:[مىسال:] بۇ تاش دۇنيادىكى يەتمىش ئىككى خىل ئەتىۋار دورىلارنىڭ زەررىلىرىدىن ياسالغان.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەزىز، ئەركە:[مىسال:] كىچىكىدە ئەتىۋار بولۇپ ئۆسكەن ساۋۇتجاننىڭ مەسۇم قەلبىگە بۇ دەشنەملەر نەشتەر بولۇپ سانجىلىپ، يېگىنى گېلىدا قالاتتى.

ئەتىۋارسىز

  • ئەتىۋارسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئەتىۋارى، ئابرۇيى، نوپۇزى يوق:[مىسال:] ئەتىۋارسىز ئادەم.[يەشمىسى:] ② قىممىتى يوق، نەزەرگە ئېلىنمايدىغان:[مىسال:] ئەتىۋارسىز نەرسە.

ئەتىۋارسىزلىق

  • ئەتىۋارسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەتىۋارى يوق، ئەتىۋارسىز ھالەت.

ئەتىۋارلاتماق

  • ئەتىۋارلاتماق[يەشمىسى:] «ئەتىۋارلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئەتىۋارلاشماق

  • ئەتىۋارلاشماق[يەشمىسى:] ① «ئەتىۋارلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تۇرمۇشتا ساختىلىقنى پەزىلەت دەيدىغانلار بولىدۇ. ئۇلارنى تېخى بەزى يەرلەردە ئەتىۋارلىشىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئەتىۋار ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] مول نەرسە ئازايسا، ئەتىۋارلىشىدۇ.

ئەتىۋارلانماق

  • ئەتىۋارلانماق[يەشمىسى:] «ئەتىۋارلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەتىۋارلىق

  • ئەتىۋارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئەتىۋارى بار، ھۆرمەتكە ئىگە:[مىسال:] ئەكبەر بۇ ئائىلىنىڭ ئەتىۋارلىق بالىسى ئىدى.[يەشمىسى:] ② قىممىتى بار، قىممەتلىك، كەم ئۇچرايدىغان، ئەزىز:[مىسال:] ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان ئوۋلاشنى قاتتىق مەنئى قىلىش كېرەك.[يەشمىسى:] ③ ئاسراشقا تېگىشلىك، ئاسرىلىدىغان، قەدىرلىك:[مىسال:] ھەيدەرنىڭ دادىسىدىن قالغان، تۈكىدىن تولا يامىقى بار بۇ شالۋۇر ئۇنىڭ ئەتىۋارلىق كىيىمى ئىدى.

ئەتىۋارلىماق

  • ئەتىۋارلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① چوڭ كۆرمەك، ھۆرمەتلىمەك، ئەتىۋار كۆرمەك:[مىسال:] تۇردى ئاخۇن ئاكا خەلق ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە ياراتقان بولغاچ، كىشىلەر ئۇنى ئەتىۋارلايتتى.[يەشمىسى:] ② ئاسرىماق، قەدىرلىمەك، قىممەتلىك دەپ بىلمەك:[مىسال:] ئۇلار ئاتىسى بەرگەن بۇ بايلىقنى ناھايىتى ئەتىۋارلاپتۇ.[يەشمىسى:] ③ ئەزىز كۆرمەك، ئەزىزلىمەك، ئارزۇلىماق:[مىسال:] ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن بۇ ئارزۇلۇق بالىسىنى جېنىدىنمۇ بەك ئەتىۋارلايدىكەن.

ئەتىياز

  • ئەتىياز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەتە+ياز[[يەشمىسى:] تۆت پەسىلنىڭ بىرىنچىسى، قىشتىن كېيىنكى، يازنىڭ ئالدىدىكى پەسىل:[مىسال:] ئەتىياز پەسلى.

ئەتىيازلىق

  • ئەتىيازلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەتىيازدا بولىدىغان، ئەتىيازدا قىلىنىدىغان:[مىسال:] ئەتىيازلىق تېرىلغۇ.

ئەتيان

  • ئەتيان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەت+يان[[يەشمىسى:] بەدەننىڭ ھەممىسى، پۈتۈن بەدەن؛ تەن:[مىسال:] ئۇنىڭ كەندىر يىپى بىلەن بىر نەچچە يېرىدىن ماتىۋالغان كۆڭلىكىدىن ئاپتاپتا كۆيگەن قاپقارا ئەتيانلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

ئەجەب

  • ئەجەب[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھەيران قالارلىق، قىزىق، غەلىتە:[مىسال:] ئەپەندىم ھەيران بولۇپ، خوتۇنىدىن: خوتۇن، ئەجەب سەن ئۈچ ئايدىلا تۇغدۇڭغۇ دەپ سوراپتۇ.[يەشمىسى:] ② جۈملىدە ئېنىقلىغۇچى رولىدا كېلىپ، «ئىنتايىن، ناھايىتى، تازا، بەك، نېمىدېگەن»لەرگە ئوخشاش كۈچەيتىش، ئاشۇرۇش مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:]

  • يارنىڭ ئېتى رەيھانمۇ،

  • چېچى سۇمبۇل بوستانمۇ

  • سۆزلىرى ئەجەب تاتلىق،

  • ھەسەل-ناۋات قوشقانمۇ؟

ئەجەبا

  • ئەجەبا[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەئەججۇپ، قىزىق، ھەيران قالارلىق، غەلىتە:[مىسال:] مېنى تېخىچىلا چۈشەنمەيدىكەنسىز-دە، − دېدى تۇرغۇن رەنجىپ، − ئەجەبا، مەن پۇل ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىمەنمۇ؟ ياق خەلقىمىزنىڭ پايدا-مەنپەئىتى ئۈچۈن!

ئەجەبسىنمەك

  • ئەجەبسىنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەجەبلەنمەك، ئەجەبلىنىش ھېس قىلماق:[مىسال:] ئۇ سابىرنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ، بىرئاز ئەجەبسىنىپ قاسىمغا قارىدى.

ئەجەبكى

  • ئەجەبكى[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] ھەيران قالارلىقى شۇكى، غەلىتىلىكى شۇكى.

ئەجەبكىم

  • ئەجەبكىم[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] «ئەجەبكى»گە قاراڭ:[مىسال:]

  • تىپتىنچ كۆك ئاسمانمىش،

  • يۇلتۇزلار پارقىراپ تۇرغانمىش.

  • ئەجەبكىم، يەتمىشچە ئاي چىقىپ

  • ھەر بىرى زەر شولا چاچقانمىش.

ئەجەبلەندۈرمەك

  • ئەجەبلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەجەبلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھۈنەرگە زور ئىشتىياق بىلەن كىرىشكەن زەيتۇنەنىڭ ئۇشتۇمتۇت سوۋۇپ قېلىشى ئادىلنى ئەجەبلەندۈردى.

ئەجەبلەندۈرۈشمەك

  • ئەجەبلەندۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ئەجەبلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەجەبلەندۈرۈلمەك

  • ئەجەبلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئەجەبلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەجەبلەنمەك

  • ئەجەبلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەيران بولماق، ھەيران قالماق، تاڭ قالماق، تەئەججۈپلەنمەك:[مىسال:] بىر كۈلپەتتىن قۇتۇلۇپ، ئىككىنچىسىگە يولۇققىنىمغا ئەجەبلەندىم.

ئەجەبلىنەرلىك

  • ئەجەبلىنەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەيران، تاڭ قالارلىق، تەئەججۈپلەنگۈدەك:[مىسال:] ئىمام مۇھەممەتتەك ياش كاسىپقا بۇ ھال تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىك تۇيۇلاتتى.

ئەجەبلىنىشمەك

  • ئەجەبلىنىشمەك[يەشمىسى:] «ئەجەبلەنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار پەيزۇللانىڭ گۈزەل، كېلىشكەن بىر قىزنى ئەگەشتۈرۈپ ئىشخانىسى تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئەجەبلىنىشتى.

ئەجەل

  • ئەجەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىنىڭ ھاياتى ئاخىرلاشقان پەيت، ئۆلۈم، قازا:[مىسال:] ئەجەل يەتمەي جان چىقماس، بېخىل بايدىن نان چىقماس(ماقال).

ئەجىلى مۇئەللەق

  • ئەجىلى مۇئەللەق[يەشمىسى:] ئۇشتۇمتۇت كەلگەن قازا، ۋاقىتسىز يەتكەن ئەجەل، تاسادىپىي ئۆلۈم.

ئەجىلى مۇتلەق

  • ئەجىلى مۇتلەق[يەشمىسى:] مۇقەررەر ئۆلۈم، قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئۆلۈم.

ئەجەللىك

  • ئەجەللىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئەجەل يەتكۈزىدىغان، ئەجەلگە ئېلىپ بارىدىغان:[مىسال:] بىر ئادەمنى ئەجەللىك بالا-قازادىن قۇتۇلدۇرۇپ قويۇش كىچىك ئىش ئەمەس.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەل قىلغۇچ، قاقشاتقۇچ:[مىسال:] ئەجەللىك زەربە بېرىش.

ئەجەم

  • ئەجەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئەرەبلەردىن باشقا خەلقلەر، خۇسۇسەن پارسلار:[مىسال:] كۆرمىگەن ئەرمەن-ئەجەمدە سىز كەبى باتۇرنى بىز، رۇمى، يۇنان، كوھىقاپ شەھسىۋالار ئىچىدە.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام» يەتتىنچىسىنىڭ نامى.

ئەجەمپىتى

  • ئەجەمپىتى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەجەم+پىتى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قىياق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غۇللۇق ئۆسۈملۈك. سۇلۇق ۋە نەم جايلاردا ئۆسىدۇ.

ئەجداد

  • ئەجداد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بۇرۇن ئۆتكەن نەسىل-نەسەب، ئاتا-بوۋىلار:[مىسال:] ئۇلار ئەجدادلار ياراتقان كۈرەش مېۋىلىرىنى تېتىغانسېرى، ئاشۇ ئەجدادلارنى تېخىمۇ سۆيۈملۈك ھېس قىلىدۇ.

ئەجدىھا

  • ئەجدىھا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئەپسانىۋى چوڭ يىلان. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قانخۇر، ياۋۇز، زالىم:[مىسال:] سەن بولساڭ بىر ئادەم، بەگ بولسا ئەجدىھا، ئۇنىڭ ئېزىق گۆشى بولاي دەمسەن[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] دېھقانلار كالېندارىدىكى ئون ئىككى مۈچەلنىڭ بەشىنچىسىنىڭ نامى.

ئەجدىھادەرىخى

  • ئەجدىھادەرىخى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەجدىھا+دەرەخ+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى يىل بويى كۆكىرىپ تۇرىدىغان ھەم ناھايىتى ئېگىز ئۆسىدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى خەنجەرسىمان، گۈلى ئاق، مېۋىسى شىرنىلىك. تروپىك بەلۋاغدا ئۆسىدۇ. جۇڭيى دورىسى پالما يېلىمىنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە خام ئەشيا قىلىنىدۇ.

ئەجدىھاگۈل

  • ئەجدىھاگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەجدىھا+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چوقا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياكى ئىككى يىللىق تىك ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يۇپۇرمىقىنىڭ ئۇزۇنراقلىرى ئىللىپس ياكى تۆمۈنە شەكلىدە بولىدۇ؛ گۈلى ياز ۋە كۈزدە ئېچىلىدۇ.

ئەجدىھائوتى

  • ئەجدىھائوتى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەجدىھا+ئوتى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ غولى ۋە يوپۇرماقلىرىدىن يامغۇرلۇق، ئارغامچا ۋە قەغەز قاتارلىقلارنى ياسىغىلى بولىدۇ.

ئەجنەبىي

  • ئەجنەبىي[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چەت ئەللىك، چەت ئەللىككە ئوخشاش:[مىسال:]

  • يۇرتداشلار سۆز ئاچتى سېنىڭ توغراڭدا،

  • كەپتۇ بىر ئەجنەبىي بالا.

  • ئوخشىماي قاپتۇ ئۇ يېزا ئوغلىغا،

  • سەسكەندى يېزىمىز، بۇ سەھرا-دالا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چەت ئەل پۇقراسى، چەت مەملىكەت ئادىمى:[مىسال:] چېكىلىۋاتقان بۇ تاماكىنى يېقىندا ئاقسۇنى زىيارەت قىلغان غەربلىك ئەجنەبىيلەر تەقدىم قىلغانىدى.

ئەجنەبىيلەرچە

  • ئەجنەبىيلەرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئەجنەبىيلەرگە ئوخشاش، ئەجنەبىيلەردەك:[مىسال:] ئەجنەبىيلەرچە تۇرمۇش.

ئەجنەبىيلىك

  • ئەجنەبىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەجنەبىيلەرگە خاس ئىش-ھەرىكەت، مىجەز، ئۆرپ-ئادەت ۋەھاكازالار.

ئەجىر (ئەجرى)

  • ئەجىر (ئەجرى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئىشلەنگەن ئىش، ئەمگەك، خىزمەت:[مىسال:] ئەگەر ھارام مال يەيدىغان بولسام، قىلغان ئەجرىم بىكار بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② غەمخورلۇق، كۆيۈنۈش، كۆڭۈل بۆلۈش، تەلىم-تەربىيە:[مىسال:] تىكەندە گۈل ئېچىلغاندەك، ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان ئويۇن قېپىدىن خېلىلا ئۈمىدلىك ئوقۇغۇچى يېتىلىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى سىلىنىڭ ئەجىرلىرى.

ئەجىرسىز

  • ئەجىرسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەجرى يوق، ئەجىر، ئەمگەك سىڭدۈرۈلمىگەن، مېھنەتسىز، ئەمگەكسىز:[مىسال:]

  • ھالال تەردىن تىزىپ ئۈنچە ۋەتەننى قىلمىساڭ گۈلشەن،

  • كېلەرمۇ ئۆز-ئۆزىدىن ئۇ، ئەجىرسىز بىر ئىشارەتكە.

ئەجىرلىك

  • ئەجىرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەجرى بار، مېھنىتى سىڭگەن، ئەمگەك قىلىنغان، تەر تۆكۈلگەن:[مىسال:] ئەجىرلىك ئىش.

ئەجىن

  • ئەجىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئادەمنىڭ يۈز-كۆز ۋە بەدەنلىرىدە ھاسىل بولىدىغان قورۇق ۋە سىزىقلار:[مىسال:]

  • شۇندىمۇ پەسەيمەي ئىشەنچ يالقۇنۇڭ،

  • ئىشلەپسەن، كۈن ۋە تۈن ئۇنتۇپ ئۆزۈڭنى،

  • ئورۇقلاپ كېتىپسەن جاپالىق ئىشتا،

  • قاپلاپتۇ كۆپ يېڭى ئەجىن يۈزۈڭنى.

ئەچۈشتۈرمەك

  • ئەچۈشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەچۈشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئەچۈشمەك

  • ئەچۈشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[قۇرۇلمىسى:]]ئېلىپ+چۈشمەك[[يەشمىسى:] ئېگىزدىن ئېلىپ چۈشمەك، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە يۆتكىمەك:[مىسال:] شاكىر ئۆگزىسىدىكى قۇرۇتۇلغان كىشمىش ئۈزۈمدىن بىر سېۋەت ئەچۈشۈپ جۈرئەتكە يوللۇق تۇتتى.

ئەچۈشۈشمەك

  • ئەچۈشۈشمەك[يەشمىسى:] «ئەچۈشمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئۆگزىدىن ئۈچ-تۆت تاغار قاق ئەچۈشۈشتى.

ئەچۈشۈلمەك

  • ئەچۈشۈلمەك[يەشمىسى:] «ئەچۈشمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەختەر

  • ئەختەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① زۈھەل يۇلتۇزىنىڭ نامى؛ يۇلتۇز:[مىسال:]

  • قانائەت كۆكسىنى تىلغان شىجائەت قەلىمى بىرلە،

  • بىلىمنىڭ كانىنى ئىزدە ۋەتەن بەختىگە ئەختەر تاپ.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

ئەخلاق

  • ئەخلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ ھەربىر جەمئىيەتكە خاس بولغان پائالىيەت مىزانى؛ ئەدەپ، خۇلق، پەزىلەت:[مىسال:] مەدەنىيەتلىك، ئەدەپلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاقنى قوغداشتا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.

ئەخلاق-پەزىلەت

  • ئەخلاق-پەزىلەت[يەشمىسى:] ئەخلاق ۋە پەزىلەت:[مىسال:] ئادەمدە پۇل، مال-مۈلۈك بولغاندىن سىرت بىلىم، ئاڭ، ئەخلاق-پەزىلەت بولۇشى لازىم.

ئەخلاقسىز

  • ئەخلاقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياخشى تەربىيە كۆرمىگەن، ئەخلاق-پەزىلەتتىن ئايرىلغان، ئىنتىزامسىز، ئەدەپسىز:[مىسال:] ئەخلاقسىز بالا.

ئەخلاقسىزلىق

  • ئەخلاقسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەخلاققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئەخلاق ئۆلچىمىگە خىلاپ ئىش-ھەرىكەت؛ قىلىق:[مىسال:] ئەخلاقسىزلىق قىلماق.

ئەخلاقشۇناس

  • ئەخلاقشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] كىشىلەردىكى ئەخلاق-پەزىلەت، تەرتىپ-ئىنتىزام ۋە ئەدەپ-قائىدىلەرنى تەتقىق قىلغۇچى كىشى.ئرىپ ئەپلىك بىر جايغا ئورۇنلاشتى.[يەشمىسى:] ② چاققان؛ تەرتىپ-ئىنتىزام، ئەدەپ-قائىدىلەر ھەققىدىكى پەن:[مىسال:] ئەخلاقشۇناسلىق كىشىگە ئۆزىنى تۇتۇشنى ئۆگىتىدۇ، لوگىكا ۋە ئىستىلىستىكا كىشىنى ناتىق قىلىدۇ.

ئەخلاققاراش

  • ئەخلاققاراش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەخلاق+قاراش[[يەشمىسى:] ئەخلاققا بولغان تونۇش، چۈشەنچە؛ نۇقتىئىنەزەر:[مىسال:] ئەسقەرنىڭ ئەخلاققارىشى ياخشى. شۇڭا ئۇ ئەخلاق، ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدۇ.

ئەخلاقلىق

  • ئەخلاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياخشى تەربىيە كۆرگەن، ئەخلاقى ياخشى، ئەدەپلىك:[مىسال:] ئەخلاقلىق ئوقۇغۇچى.

ئەخلاقىي

  • ئەخلاقىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەدەپ-ئەخلاققا ئائىت، ئەخلاق-پەزىلەتكە خاس:[مىسال:] ئەخلاقىي پەزىلەت. ئەخلاقىي تەربىيە.

ئەخلەت

  • ئەخلەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تاشلاندۇق، مەينەت، ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەر؛ سۈپۈرۈندى:[مىسال:] ئەخلەت ساندۇقى.

ئەخلەت-چاۋار

  • ئەخلەت-چاۋار[يەشمىسى:] ئەخلەت ۋە چاۋار قاتارلىق نەرسىلەر:[مىسال:] بۇ يەر توختام سۇ ۋە شەھەر ئىچىدىن ئاچىقىپ تۆككەن ئەخلەت-چاۋارلار بىلەن چىرىپ، سېسىپ پاسكىنىلىشىپ تۇرىدۇ.

ئەخلەتچى

  • ئەخلەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەخلەت يىغىش، ئەخلەت توشۇش، تازىلاش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى.

ئەخلەتخانا

  • ئەخلەتخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئەخلەت، تۆكۈش ئۈچۈن مەخسۇس ئاجرىتىلغان، تەييارلانغان جاي، ئورۇن.

ئەخلەتلەشمەك

  • ئەخلەتلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەخلەت، پاسكىنا بولۇپ كەتمەك، مەينەتلەشمەك.

ئەخلەتلىك

  • ئەخلەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەخلەت بار، ئەخلەتكە تولغان جاي.

ئەخمەق

  • ئەخمەق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەقىل ئىشلەتمەيدىغان، نادان، ھاماقەت، ئەقىلسىز:[مىسال:] ئەخمەقنىڭ چوڭ-كىچىكى يوق (ماقال).

ئەخمەقچىلىق

  • ئەخمەقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەخمەقلىق، ئەخمىقانىلىك.

ئەخمەقلەرچە

  • ئەخمەقلەرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئەخمەقلەرگە ئوخشاش، ئەخمەقلەردەك:[مىسال:] − داداڭ بىزنى ھەرگىزمۇ ساڭا ئوخشاش مۇنداق ئەخمەقلەرچە يېمەيدۇ، − دېدى بورسۇق بۆرىگە.

ئەخمەقلەشتۈرمەك

  • ئەخمەقلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەخمەقلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئەخمەقلەشمەك

  • ئەخمەقلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەخمەققە ئايلانماق، ئەخمەق بولماق:[مىسال:] مۇشۇ ھەقىقەتنى ئۇنىڭ ئويۇن بىلەن ئەخمەقلىشىپ كەتكەن كاللىسىغا، ھاراق بىلەن قارىيىشقا باشلىغان كۆڭلىگە ئورناشتۇرۇشقا تىرىشتىم.

ئەخمەقلىق

  • ئەخمەقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەخمەقلەرچە ئىش، قىلىق:[مىسال:] ياخشى ئوقۇۋاتقان بالىنى «مەكتەپتىن چىقىرىۋالىمەن» دېيىش، ئۇچىغا چىققان ئەخمەقلىق.

ئەخمىقانە

  • ئەخمىقانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئەخمەقلەرگە خاس، ئەخمەقلەرچە:[مىسال:] ھازىرقى جەمئىيەتتە غايە بىلەن ئەخمىقانە خىيالنىڭ پەرقىنى ئايرىغىلى بولمايدۇ.

ئەخمىقانىلىك

  • ئەخمىقانىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەخمەقلىق:[مىسال:] — بۇ چېكىدىن ئاشقان ئەخمىقانىلىك، — دېدى ئېلى كۆزلىرىنى قىسىپ.

ئەدەبىي

  • ئەدەبىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بەدىئىي ئەدەبىياتقا، يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا، يازغۇچى، ئەدىبلەرگ دائىر، ئائىت؛ ئەدەبىيات تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىدىغان:[مىسال:] ئەدەبىي ئەسەر. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىلىرى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

ئەدەبىي ئاخبارات

  • ئەدەبىي ئاخبارات[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] رېئال تۇرمۇشتىكى تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھەقىقىي ئادەم، ھەقىقىي ئىشلار تېما قىلىنىدىغان، مۇۋاپىق بەدىئىيلەشتۈرۈش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە خەۋەر، ئاخبارات، زىيارەت خاتىرىسى، ئوچېرك قاتارلىقلار.

ئەدەبىي ئەسەر

  • ئەدەبىي ئەسەر[يەشمىسى:] ھېكايە، رومان، شېئىر، دراما قاتارلىق ئەسەرلەر.

ئەدەبىي تىل

  • ئەدەبىي تىل[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بەلگىلىك بىر مىللەت خەلقىنىڭ ئېغىز تىلنى ئاساس قىلىپ ئۇزاق تارىخىي دەۋر جەريانىدا شەكىللەنگەن، پىششىقلانغان، قېلىپلاشتۇرۇلغان ھەمدە ئەدەبىي ئەسەرلەر، گېزىت-ژۇرناللار، كىتاب، ماتېرىياللار، خەت-ئالاقە ۋە رادىئولاردا ئىشلىتىدىغان ئورتاق تىلى.

ئەدەبىي ئۇسلۇب

  • ئەدەبىي ئۇسلۇب[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنىڭ بىر قاتار ئىجادىيەتلىرىدە ئىپادىلىگەن يېزىش ئۇسۇلى، ماھارىتى.

ئەدەبىي ئىجادىيەت

  • ئەدەبىي ئىجادىيەت[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] يازغۇچى، شائىرلارنىڭ قەلەمكەشلىك ئىشىدا ياراتقان تۆھپىسى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى:[مىسال:] كۆچۈرمىكەشلىك ياكى ئوغرىلىق ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئەڭ پەسكەش خاھىش.

ئەدەبىيات

  • ئەدەبىيات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تىل ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى كۈرەشلەرنى ئوبرازلىق ئىپادىلەيدىغان سەنئەت. ئۇ، سەھنە ئەسىرى، شېئىر، ھېكايە، نەسرىي ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.[يەشمىسى:] ② بىرەر خەلق ۋە بىر دەۋرنىڭ بەدىئىي، ئىلمىي، پەيلاسوپلۇق ۋە باشقا ئەسەرلەرنىڭ يىغىندىسى.[يەشمىسى:] ③ مۇئەييەن بىر پەن ياكى ساھەگە، مەسىلىگە ئائىت ئەسەرلەر، كىتابلار.

ئەدەبىياتچى

  • ئەدەبىياتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەدەبىيات كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس.

ئەدەبىياتچىلىق

  • ئەدەبىياتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتى.

ئەدەبىيات-سەنئەت

  • ئەدەبىيات-سەنئەت[يەشمىسى:] ئەدەبىيات ۋە سەنئەت:[مىسال:] ھازىر كۆپلىگەن ناھىيىلەردىكى يېزا-قىشلاردا ئىشتىن سىرتقى ئەدەبىيات-سەنئەت گۇرۇپپىلىرى بار.

ئەدەبىياتشۇناس

  • ئەدەبىياتشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئەدەبىيات كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى مۇتەخەسسىس، ئەدەبىياتچى.

ئەدەبىياتشۇناسلىق

  • ئەدەبىياتشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىيات تارىخى، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە ئەدەبىي تەنقىد قاتارلىق ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە دائىر مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ئەدەبىيلىك

  • ئەدەبىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق تۇرمۇشنى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈش، شۇنىڭدەك ئىدىيىۋى ھېسسىياتنى توغرا، ئېنىق، جانلىق ئىپادىلەش دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② يازغۇچى، ئەدىبلەرنىڭ يېزىقچىلىق ئىشلىرىدىكى كەسپىي ماھارىتى.

ئەدەپ

  • ئەدەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇئامىلىدە ئۆزىنى تۇتۇشنى بىلىشى؛ ئەخلاق، تەربىيە ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى:[مىسال:] ئۇ شۇ كۈنى كەچتە زاۋۇت ئامبىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ياش ئامبارچىغا ئەدەپ بىلەن سالام قىلدى.

ئەدەپ-ئەخلاق

  • ئەدەپ-ئەخلاق[يەشمىسى:] ئەدەپ ۋە ئەخلاق:[مىسال:] ئەركىنجان ئەمدى ھەربىي قىسىمنىڭ بىر چوڭ مەكتەپ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا سىياسىينى، ھەربىي ئىشلارنى، ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۆگىنىپ، چېنىقىپ، تېز ئالغا باسقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

ئەدەپسىز

  • ئەدەپسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەدەپ-ئەخلاققا، تەرتىپ-ئىنتىزامغا رىئايە قىلمايدىغان؛ تەرتىپسىز، ئەخلاقسىز، بىئەدەپ:[مىسال:] ئەدەپنى ئەدەپسىزدىن ئۆگەن (ماقال).

ئەدەپسىزلەشمەك

  • ئەدەپسىزلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەدەپ-ئەخلاقتىن چەتلىمەك؛ ئەخلاقسىزلىق قىلماق:[مىسال:] − بۇ بالىلار ئەجەبمۇ ئەدەپسىزلىشىپ كەتتى، − دېدى رازىق ئىشىكنى يېپىۋېتىپ.

ئەدەپسىزلىك

  • ئەدەپسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەدەپكە خىلاپ، ئەدەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىش-ھەرىكەت؛ قىلىق:[مىسال:] − قوي مۇنداق گېپىڭنى، 6-ئايدا جۇۋا كىيىپ ۋاڭ غوجامنىڭ مەرىكىسىگە كېلىش ئەدەپسىزلىك بولىدۇ، − دېدى غوجا ئاكا.

ئەدەپ-قائىدە

  • ئەدەپ-قائىدە[يەشمىسى:] ئەدەپ ۋە قائىدە:[مىسال:] «خوتۇنى بار تۇرۇپ خوتۇنۇم يوق دېسە، ئەمرىدىن جۇدا بولىدۇ...»غان ئىسلامىيەتنىڭ ئەدەپ-قائىدىسىنى ئىمام مۇھەممەت ئوبدان بىلەتتى.

ئەدەپلەتمەك

  • ئەدەپلەتمەك[يەشمىسى:] «ئەدەپلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئەدەپلەشمەك

  • ئەدەپلەشمەك[يەشمىسى:] «ئەدەپلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەدەپلەنمەك

  • ئەدەپلەنمەك[يەشمىسى:] «ئەدەپلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەدەپلىك

  • ئەدەپلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەدەپ-ئەخلاق قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىدىغان، ئەدەپنى بىلىدىغان، تەربىيە كۆرگەن؛ ئەخلاقلىق:[مىسال:]

  • ئانا مەكتەپ بىزلەرنى ئۆستۈرمەكتە ئەدەپلىك،

  • ئەخلاق، ئوقۇش، ئەمگەكنى بىلىمىز، ئەڭ شەرەپلىك.

ئەدەپلىمەك

  • ئەدەپلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باشقىلارغا جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن زەربە، دەككە بەرمەك، جازالىماق:[مىسال:] بەزىلەر يۇرت ئاقساقاللىرى، يۈزبېشىلەر، مىراب-دورغىلارنى باغلاپ كېلىپ، راسا ئەدەپلەپ جازاسىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ۋارقىرايتتى.

ئەدەتمەك

  • ئەدەتمەك[يەشمىسى:] «ئەدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئاپپاراتلارنىڭ كېلەڭسىز بولۇپ كېتىشى، ئۆز نۆۋىتىدە مۇقەررەر ھالدا بيۇروكراتلىقنى ئەدىتىپ قويىدۇ.

ئەدەس

  • ئەدەس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پاكار ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى جۈپ سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى تۆت جۈپتىن يەتتە جۈپكىچە بولىدۇ؛ گۈلى ياز مەۋسۇمىدە ئېچىلىدۇ. ئۇرۇقى بىر-ئىككى تال بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇرۇقىدا لەڭپۇڭ ئۇنى ياكى يەم-خەشەك ئىشلەشكە بولىدۇ.

ئەدەشمەك

  • ئەدەشمەك[يەشمىسى:] «ئەدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەدرەك

  • ئەدرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يەرلىك ئۇسۇل بىلەن شېكەر قىيامىغا دورا-دەرمان ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدىغان بىر خىل تاتلىق يېمەكلىك.

ئەدگۈ

  • ئەدگۈ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ياخشى، ئوبدان؛ ساۋابلىق، خەيرلىك:[مىسال:] ئەدگۈ نام.

ئەدلىيە

  • ئەدلىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] خەلق سوت ئىشلىرىدا قانۇننى ئىجرا قىلىش جەھەتتىكى تۇرغۇزۇلغان ئەنزە دېلولىرى، ھۆكۈم ماتېرىياللىرىنى بىۋاسىتە تەكشۈرۈپ كۆزدىن كەچۈرىدىغان تەپتىش ئورگىنى.

ئەدلىيىلىك

  • ئەدلىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەدلىيىگە ئائىت، ئەدلىيىگە دائىر:[مىسال:] ئەدلىيىلىك كەچۈرۈم. ئەدلىيىلىك ھەمكارلىق.

ئەدنا

  • ئەدنا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ئەڭ تۆۋەن، ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك، ئەقەللىيسى، ئاددىيسى:[مىسال:] بىرەر يېڭى ئىش قىلماقچى ئىكەنمىز، چوقۇم ئۇنىڭغا مەلۇم ئىقتىساد كېتىدۇ. ئەدناسى، قۇشقاچ تۇتۇش ئۈچۈنمۇ بىر سىقىم تېرىق بولمىسا بولمايدۇ.

ئەدىب

  • ئەدىب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى؛ يازغۇچى، شائىر، قەلەمكەش:[مىسال:] ئۇ داڭلىق ئالىملار، ئەدىبلەر توغرىسىدا قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى.

ئەدىبلىك

  • ئەدىبلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈرلۈك ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىش ئىشى، پائالىيىتى.

ئەدىمەك

  • ئەدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئاۋۇماق، ئۇلغايماق:[مىسال:] دىلەيساخان دەرۋازىغا مېڭىپ، مەرەزگە خىزمەت قىلغىنىڭغا شۇنچە كالچارامسىنا، بىلىپ قوي، پاقا سېسىق سۇدا كۇركىرايدۇ. چىۋىن ئەۋرەزدە ئەدەيدۇ دەپ غودۇڭشىدى.[يەشمىسى:] ② ئەۋج ئالماق، كۈچەيمەك:[مىسال:] قاراڭغۇلۇق قانچە يېيىلغانسېرى دۈشمەن ئوقلىرىنىڭ ئۇچۇپ كېلىشى شۇنچە ئەدىمەكتە ئىدى.[يەشمىسى:] ③ ھەددىدىن ئاشماق، ئۆزىنى بىلەلمەي قالماق:[مىسال:] ئۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ قۇلۇمغا ئېسىلغاندا قول ياندۇرمىدىم. ئۇ تېخىمۇ ئەدەپ ياقامغا ئېسىلدى.

ئەدىيال

  • ئەدىيال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] يوتقان-كۆرپە ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان ھەم ئورۇن-كۆرپە ئۈستىگە يېپىلىدىغان، يۇڭ ۋە پاختا يىپتىن توقۇلغان يالاڭ قەۋەت يېپىنچا، ياپقۇچ.

ئەر

  • ئەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئەركەك جىنسقا مەنسۇپ كىشى؛ ئەركەك:[مىسال:] ئەر كىشى. ئەر خەق.  بىر سۆز بىلەن ئەر ئۆلمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ② خوتۇن كىشى بىلەن نىكاھ ئەھدىدە بولغان ئەر كىشى (ئۆز خوتۇنىغا نىسبەتەن):[مىسال:] بالاڭ ئۆلسە ئەرگە باق، ئېرىڭ ئۆلسە يەرگە باق (ماقال).  ئەر قەيەردە بولسا، خوتۇن شۇ يەردە (ماقال).[يەشمىسى:] ③ مەرد يىگىت، ئالىيجاناب، جەسۇر كىشى:[مىسال:] ئەل بار يەردە ئەر بار (ماقال).

ئەر-ئايال

  • ئەر-ئايال[يەشمىسى:] ① ئەر ۋە ئايال:[مىسال:] بۇ ئىشتا ئەر-ئايال دېمەي ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىلدى.[يەشمىسى:] ② ئەر ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى:[مىسال:] بۇرۇن بىر ئەر-ئايال بوپتىكەن، ئۇلارنىڭ بىر ئوغلى بولۇپ، خۇدادىن بىر قىز سوراپ يىغلايدىكەن.

ئەر-ئاياللىق

  • ئەر-ئاياللىق[يەشمىسى:] ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغان:[مىسال:] ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت. ئەر-ئاياللىق مېھىر-شەپقەت.

ئەرەب

  • ئەرەب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى.

ئەرەب تىلى

  • ئەرەب تىلى[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئەرەبلەر قوللىنىپ كېلىۋاتقان تىل. ئۇ سام-ھام تىللىرى سىستېمىسىنىڭ سام تىللىرى تۈركۈمىگە كىرىدۇ.

ئەرەب رەقەملىرى

  • ئەرەب رەقەملىرى[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئەسىردە ئەرەبلەر ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان ۋە ھازىر خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان، ناھايىتى كەڭ تارقالغان سان بەلگىلىرى، رەقەملەر يەنى 0، 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9.

ئەرەب يېزىقى

  • ئەرەب يېزىقى[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئەرەب تىلىنى خاتىرىلىگۈچى يېزىق، ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ، ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئەرەبچە

  • ئەرەبچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەرەبلەرگە، ئەرەب خەلقى، تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت، تەئەللۇق:[مىسال:] ئەرەبچە كىتاپ. ئەرەبچە ناخشا.  ئۇ ئەرەبچە شىفىرلارنى يوغان ئىككى بەتكە يېزىپ، نۇرغۇن قېتىم ھېسابلىغان بولسىمۇ، ھېسابىنى يەنىلا چىقىرالمىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەرەب تىلى ۋە يېزىقى:[مىسال:] سىز ئەرەبچىنى بىلەمسىز  ئەپەندىم مەدرىسىدە ئەرەبچە ئوقۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە خەلپەت ئىمتىھان ئاپتۇ: ئەپەندىم، موزاينى ئەرەبچە نېمە دەيدۇ دەپ سوراپتۇ.

ئەرەبشۇناس

  • ئەرەبشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئەرەب تىلى، يېزىقى، مەدەنىيىتى، تارىخى بويىچە مۇتەخەسسىس كىشى؛ ئالىم.

ئەرەبشۇناسلىق

  • ئەرەبشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەرەب تىلى، يېزىقى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى، تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ئەرەبىي

  • ئەرەبىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەرەب تىلىدا ئېيتىلغان ياكى ئەرەب يېزىقىدا يېزىلغان؛ ئەرەبچە:[مىسال:] مەخسۇم پارسىي ۋە ئەرەبىي كىتابلارغا تولۇق مەنە ئېيتالايتتى.

ئەرەپات

  • ئەرەپات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەككىگە يېقىن، ھاجىلار زۇلھەججىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى ھەج ئەركانلىرىنى تاماملاش ئۈچۈن تۇرىدىغان بىر تاغ. [يەشمىسى:] ② ھاجىلار ئەرەپات تېغىدا تۇرغان ۋاقىت:[مىسال:] ئەرەپات كۈنى، ئەرەپات ئېيى.[يەشمىسى:] ③ ئەرەپات تېغىدا ھەج ئەركانلىرىنى ئادا قىلىش پائالىيىتى:[مىسال:] ئەرەپات قىلماق. ئەرەپاتتا بولماق. [يەشمىسى:] ④ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ئەرەختەن-پەرەختەن

  • ئەرەختەن-پەرەختەن[يەشمىسى:] ئوڭتەي-توڭتەي، تىرىپىرەن، بىتچىت:[مىسال:] خەلق ئارمىيىسى بىر ھۇجۇم بىلەن بۇ شەھەرنى قولغا چۈشۈرۈپ، چوڭ يىلاننىڭ ئۇۋىسىنى ئەرەختەن-پەرەختەن قىلىۋەتتى.

ئەرەڭ-سەرەڭ

  • ئەرەڭ-سەرەڭ [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھەر خىل-ھەر ياڭزا؛ ئوڭ-تەتۈر، ئېگىز-پەس.

ئەرەن

  • ئەرەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىگىت؛ ئەر كىشى:[مىسال:] ئەخمەت يۈكنەكى «ئەرەن كۆركى ئەقىل، سۆڭەككە يىلىك» دېگەنىدى.

ئەرەنچە

  • ئەرەنچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەرلەرگە خاس، ئەرلەرگە مەنسۇپ، ئەرلەرگە ئوخشاش، ئەرلەردەك؛ ئەرلەر پاسونىدا:[مىسال:] ئەرەنچە ئاياغ. ئەرەنچە كۆڭلەك. ∥ ھەلىمىخان جىمجىت ئولتۇرغىنىدا، خەق ئۇنى ئەرەنچە ياسانغان ئىنتايىن گۈزەل قىز بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن.

ئەرەنلىك

  • ئەرەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەرلەرگە خاس، ئەرلەردە بولىدىغان جىنسىي قۇۋۋەت:[مىسال:] ئۇنىڭ ئەرەنلىكى ئاجىز.

ئەرباب

  • ئەرباب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① پەن، مەدەنىيەت، سەنئەت ساھەلىرىدە ياكى دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىشلىرىدا ئۆز پائالىيىتى بىلەن تونۇلغان، شۇ ساھەلەردە ئۆزىنى كۆرسەتكەن شەخس:[مىسال:] خىزمىتىمىزگە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماستىن، بەلكى دۇنيادىكى ئەربابلارمۇ دىققەت قىلماقتا.[يەشمىسى:] ② باشلىق، ئەمەلدار:[مىسال:] ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن، ئەپلەپ سالار ھەر باب بىلەن (ماقال).

ئەربابلىق

  • ئەربابلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەربابلارغا خاس ئىش-ھەرىكەت، ئەربابلاردا بولىدىغان ئالاھىدىلىك، خۇسۇسىيەت.

ئەرتەك

  • ئەرتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] رىۋايەت، ھېكايە، ياخشى گەپ، تەرىپ.

ئەرجىم

  • ئەرجىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىر تەرەپ، ھەل.

ئەرچە

  • ئەرچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «ئەرەنچە»گە قاراڭ:[مىسال:] مەلىكە دادىسىغا تەسەللى ئېيتىپ، قىرىق كېنىزەك تەييارلاپ ئەرچە كىيىندۈرۈپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ.

ئەر-خوتۇن

  • ئەر-خوتۇن[يەشمىسى:] ئەر بىلەن خوتۇن، ئەر ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى:[مىسال:] چىرايلىق ياسالغان ئۆي ئىچى يېڭى تويى بولغان ياش ئەر-خوتۇنلاردىن ھال سوراپ كەلگەن ياشلار بىلەن تولغانىدى.

ئەر-خوتۇنچىلىق

  • ئەر-خوتۇنچىلىق[يەشمىسى:] ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان مۇناسىۋەت:[مىسال:] ئۇ گەپكە ئارىلىشىپ: − شۇنداق، ئەمما دادىڭىز بىلەن ئانىڭىز ئەر-خوتۇنچىلىق قىلىپ، پەرزەنت كۆرۈپ، ئىناق ئۆتكەنغۇ؟ − دېدى.

ئەر-خوتۇنلۇق

  • ئەر-خوتۇنلۇق[يەشمىسى:] ئەر بىلەن خوتۇن ئارىسىدا بولىدىغان، ئەر بىلەن خوتۇنغا خاس:[مىسال:] ئۇنىڭ بىلەن بىر تۇغقان ئاچا-ئۇكا بولۇپ كېتىشىمىز مۇمكىنىدى. ئەمما دادام بىزنى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى تەرەپكە تارتماقچى بولدى.

ئەردەم

  • ئەردەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئەدەپ-ئەخلاق، تەرتىپ-قائىدە، ئېسىل پەزىلەت:[مىسال:] ئەي بېگىم، ئۇ ئۆلگۈسى كەلگەنلىكىدىن ئۆزلىرىنى خاپا قىلدى، بىراق ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتسىلە، ئۇ ئەردەم ساقلاپ شېھىت بولدى دېگەن نامغا ئىگە بولىدۇ-دە، ئۆزلىرى نامەرد دېگەن يامان نامغا قالىدىلا، دەپتۇ قازى.

ئەرز

  • ئەرز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاغزاكى ۋە يازما بايان قىلىنغان شىكايەت، دەرد تۆكۈش، ئىلتىماس:[مىسال:] ئابدۇرەھىمقارى ئاق رەختكە يېزىلغان ئەرز خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى.

ئەرزان

  • ئەرزان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① باھاسى، نەرخى تۆۋەن، قىممەت ئەمەس:[مىسال:] ئەرزان مال. ئەرزان ساتماق. ئەرزان بەرمەك. * ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق (ماقال). ∥ئەرزان بىلەن قىممەتنىڭ بازاردا چىققان نەرخى بار (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەتىۋارى يوق، ئەتىۋارسىز قارىلىدىغان، تايىنى يوق، تۇتۇرۇقسىز:[مىسال:] يۇرتقا كەلگەن بۆز ئەرزان، ئېغىزغا كەلگەن سۆز ئەرزان (ماقال).

ئەرزانچى

  • ئەرزانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مالنى ئەرزان باھادا ساتقۇچى:[مىسال:] ئەرزانچىنىڭ مېلى تالاشتا قالىدۇ، قىممەتچىنىڭ مېلى تالادا قالىدۇ (ماقال).

ئەرزانچىلىق

  • ئەرزانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرخ-ھاۋا تۆۋەن، ھەممە نەرسە ئەرزان ھالەت:[مىسال:] سىلىنىڭ بۇ يۇرتلىرى خېلى ئەرزانچىلىق ئىكەن، نېمە دېسە، شۇ تېپىلىدىكەن.

ئەرزانلاتماق

  • ئەرزانلاتماق[يەشمىسى:] «ئەرزانلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھۆكۈمەت چارە-تەدبىر قوللىنىپ نۇرغۇن ماللارنىڭ باھاسىنى ئەرزانلاتتى.

ئەرزانلاشتۇرماق

  • ئەرزانلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئەرزانلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مال باھاسىنى ئەرزانلاشتۇرماق.

ئەرزانلاشتۇرۇشماق

  • ئەرزانلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ئەرزانلاشتۇرماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەرزانلاشتۇرۇلماق

  • ئەرزانلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئەرزانلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كەڭ ئىستېمال قىلىنىدىغان ماللار ئەرزانلاشتۇرۇلدى.

ئەرزانلاشماق

  • ئەرزانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باھاسى، تەننەرخى تۆۋەنلىمەك، باھاسى چۈشمەك، ئەرزان بولماق:[مىسال:] قوغۇن سەككىزىنچى ئايدا ئەرزانلىشىدۇ.

ئەرزانلىتىلماق

  • ئەرزانلىتىلماق[يەشمىسى:] «ئەرزانلاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەرزانلىماق

  • ئەرزانلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەرزانلاشماق:[مىسال:] مېۋە-چېۋىلەر كۈندىن-كۈنگە ئەرزانلىدى.

ئەرز-داد

  • ئەرز-داد[يەشمىسى:] ئەرز ۋە داد:[مىسال:] ئەبۇ سابىر پادىشاھ بولۇپ خەلقنىڭ ئەرز-دادلىرىنى ئادىل سوراپتۇ.

ئەرز-شىكايەت

  • ئەرز-شىكايەت[يەشمىسى:] ئەرز ۋە شىكايەت:[مىسال:] بۇ ئىككى ئاكا-ئۇكا شاھزادە چىقىپ خەلقنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى توغرا بىر تەرەپ قىپتۇ.

ئەرز-ھال

  • ئەرز-ھال[يەشمىسى:] ئەرز ۋە ھال:[مىسال:] ئۇ دائىم خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىكەن، ئاجىز كەمبەغەللەرنىڭ ئەرز-ھالىغا يېتىدىكەن.

ئەرزىمەس

  • ئەرزىمەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەرزىگۈچىلىكى يوق، ئەرزىمەيدىغان:[مىسال:] مەردان ئادەتتىكى ئەرزىمەس ۋەقەلەرنىمۇ كىشى قىزىققۇدەك قىلىپ سۆزلەشكە ئۇستا ئىدى.

ئەرزىمەك

  • ئەرزىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① لايىق، مۇۋاپىق كەلمەك، ماس كەلمەك:[مىسال:] تۇپراقنى ياخشىلاش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەجرىبىلەرنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.[يەشمىسى:] ② تېگىشلىك بولماق، دەل كەلمەك، ئارتۇقچە، زايە بولماستىن جايىدا بولماق:[مىسال:] ۋەتەن ئانا ئانا ئۈچۈن ئوغلانلار، قانلار ئاققۇزۇپ قۇربان بەرسە ئەرزىيدۇ.

ئەرزىيەت

  • ئەرزىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەرز سۇنۇش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئىشلىرى:[مىسال:] ئەرزىيەت خىزمىتى.

ئەرسات

  • ئەرسات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① مەيدان، سەھنە. [يەشمىسى:] ② غوۋغا، ئالىتوپىلاڭ؛ قىيامەت:[مىسال:] يامۇل ئىچى بىر ئەرسات، شەھەرنىڭ قازىكالانلىرى ئامبالدىن ھەبىبۇللا مۇپتىھاجىنىڭ بىر قوشۇق قېنىنى تىلىدى.

ئەرسەك

  • ئەرسەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەرگە ئامراق، ئەرسىرىگەن:[مىسال:] ئەرسەك ئايال.

ئەرسىرەتمەك

  • ئەرسىرەتمەك[يەشمىسى:] «ئەرسىرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئەرسىرەشمەك

  • ئەرسىرەشمەك[يەشمىسى:] «ئەرسىرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەرسىرىمەك

  • ئەرسىرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەر سېغىنماق، ئەر تەلەپ قىلماق: ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان ئەر دىدارى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن تولىمۇ ئەرسىرەپ كەتكەنىدى.

ئەرش

  • ئەرش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دىنىي چۈشەنچىلەردە پەلەكنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسمى، ئەڭ يۇقىرى ئاسمان:[مىسال:] ئەرشكە چىقماق.

ئەرشىئەلا

  • ئەرشىئەلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دىنىي چۈشەنچىلەردە ئاسماننىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسمىدىكى ساراي، تەخت:[مىسال:] بارات مەزىن: − بالا دېگەن ئەرشىئەلاغا چىقىپ كەتسىمۇ بالا-دە، ھەممە ئىشتا ئاتا-ئانىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماق بار، − دېدى.

ئەرك

  • ئەرك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ ئۆز خاھىشى بىلەن ئىش-ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقى؛ ئىختىيارىيلىق، ئەركىنلىك:[مىسال:] ياماننى قويۇپ بەرسە ئەركىگە، كۈندە چىچىدۇ بۆكىگە (ماقال).

ئەركان

  • ئەركان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① ئۇلۇغ مەرتىۋە ئىگىسى، كاتتا ئەمەلدار، مەنسەپدار، ئەرباب:[مىسال:] شەھەر تەرەپتىن بىر توپ ئوردا ئەركانلىرى ئاتلارغا مىنىپ ھەيۋەت بىلەن چىقىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ② دىنىي قائىدە-مىزان، تەرتىپنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى، ئەڭ ئاساسلىق تەرىپى:[مىسال:] ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى پەرىشتە، خىزىر قىلىپ كۆرسىتىپ، ئالدامچىلىق قىلسا، بۇ ھۆكۈمەت سىياسىتىگىمۇ، دىنىمىزنىڭ ئەركانلىرىغىمۇ توغرا ئەمەس.

ئەركە

  • ئەركە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەتىۋارلاپ ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىلگەن، ئارزۇلاپ ئۆگىتىپ قويغان، ئارزۇلۇق:[مىسال:] باينىڭ بالىسىمۇ ئەركە، كالىسىمۇ ئەركە (ماقال).

ئەركە-تايتاڭ

  • ئەركە-تايتاڭ[يەشمىسى:] «ئەركە-نايناق»قا قاراڭ:[مىسال:] ھېلىقى ئەركە-تايتاڭ ئىككى بايۋەچچە ھېلىتىنلا پىشمىغان كۆك ئالمىلارنى ئوغرىلاشقا باشلاپتۇ.

ئەركە-تايتاڭلىق

  • ئەركە-تايتاڭلىق[يەشمىسى:] «ئەركە-نايناقلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئاق پاشانىڭ ئەركە-تايتاڭلىقى موللا زەيدىننى زېرىكتۈرگەن بولسىمۇ، چىشىنى چىشلەپ ئولتۇردى.

ئەركەچ

  • ئەركەچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىچىلغان ئەركەك ئۆچكە؛ سەركە:[مىسال:] ئەركەچ ئېتى ئەم بولۇر، ئۆچكە ئېتى يەل بولۇر (ماقال).

ئەركەك

  • ئەركەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئەر جىنسقا مەنسۇپ بولغان كىشى، ئەر كىشى؛ ئەر:[مىسال:] ئۇ قىز يەنە باشقا بىر ئەركەك بىلەن كۈلۈشۈپ، پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاچقا، ئۇ باشتىن-ئاخىر شۇ قىزدىن كۆز ئۈزەلمىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەركەك جىنستىكى (ھايۋانلار، قۇشلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە نىسبەتەن):[مىسال:] ئەركەك قوي. ئەركەك مۈشۈك. ئەركەك چېچەك.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل سايمانلارنىڭ مۈرۋىتى (تۆشۈكىگە كىرىپ تۇرىدىغان قىسمى):[مىسال:] ئەركەك تۇرۇم. ئەركەك جەندىر.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان، قورقماس، مەرد، راستچىل:[مىسال:] ئەركەك بولسىڭىز ۋاپادارىڭىزنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياقىڭىزنى يىرتىپ يىغلاڭ.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاتىلىق گۈللىرىلا ئېچىلىپ دان ئالمايدىغان:[مىسال:] ئەركەك تۈپ. ئەركەك كەندىر.

ئەركەك چىۋىن قونمىغان

  • ئەركەك چىۋىن قونمىغان[يەشمىسى:] «ئەركەك چىۋىن كۆرمىگەن»گە قاراڭ.

ئەركەك چىۋىن كۆرمىگەن

  • ئەركەك چىۋىن كۆرمىگەن[يەشمىسى:] ① ئەخلاقىي جەھەتتىن ساپ-پاك؛ يامان يولدا ماڭمىغان. [يەشمىسى:] ② تېخى ياتلىق قىلىنمىغان.

ئەركەكچە

  • ئەركەكچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئەرلەرگە ئوخشاش، ئەرلەرچە، ئەرلەردەك؛ ئەرلەر پاسونىدا؛ ئەرەنچە:[مىسال:] ئەركەكچە ياسانماق.

ئەركەك-چىشى

  • ئەركەك-چىشى[يەشمىسى:] ① ئەركەك ۋە چىشى:[مىسال:] قوزىنىڭ ئەركەك-چىشىسىنى پەرق ئەتمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ياخشى-يامان، ئېپى-جىپى:[مىسال:] يولنىڭ ئەركەك-چىشىسىنى بىلمەك. ئىشنىڭ ئەركەك-چىشىسىنى بىلمەك.

ئەركەكچىلىك

  • ئەركەكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئەركەكلىك»كە قاراڭ.

ئەركەكزەدەك

  • ئەركەكزەدەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]ئەركەك+زەدەك[[يەشمىسى:] ① باش ئالمىغان سەۋزە. [يەشمىسى:] ② ئەركەكلەرگە ئوخشاش خۇسۇسىيەتلىرى بار، ئەر مىجەز (ئايال ھەققىدە):[مىسال:] ئەپەندىم پادىشاھنىڭ نىيىتىنى بايقاپ: −ئەكەتكەن بېلىقىم ئەركەكزەدەك ئىدى، − دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

ئەركەكلەرچە

  • ئەركەكلەرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئەركەكلەرگە ئوخشاش، ئەركەكلەردەك:[مىسال:] ئەركەكلەرچە ئىش قىلماق.

ئەركەكلىك

  • ئەركەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەركەكلەرگە خاس ئىش-ھەرىكەت ۋە خۇسۇسىيەتلەر:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ ئىشتا قىلغان ئوغۇلبالىچىلىقى ئەركەكلىكنىڭ ئالامىتى.

ئەركە-نايناق

  • ئەركە-نايناق[يەشمىسى:] ئۆز ئىختىيارى، خاھىشى بويىچە ئىش قىلىشقا ئادەتلەنگەن، ئەركە ئۆگىتىپ قويۇلغان؛ ئەتىۋارلىق:[مىسال:] ئۇ ئەركە-نايناق خوتۇنلاردەك كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى.

ئەركە-نايناقلىق

  • ئەركە-نايناقلىق[يەشمىسى:] ئەركە-نايناقلارغا خاس ئىش-ھەرىكەت، قىلىق:[مىسال:] بىز ئۇ بايۋەچچىلەردەك ئەركە-نايناقلىق قىلىپ ئۆگەنمىگەن.

ئەركسىز

  • ئەركسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەركى يوق، ئۆز ئەركى ئۆزىدە بولمىغان، ئازادلىقتىن مەھرۇم؛ ھوقۇقسىز:[مىسال:] ئۇ چاغلاردا يېتىم، كەمبەغەل يىگىتلەر كۆپىنچە ھاللىق ئائىلىلەرگە ئىچ كۈيئوغۇل نامى بىلەن قۇلغا ئوخشاش ئەركسىز بولۇپ كىرەتتى.

ئەركسىزلىك

  • ئەركسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىختىيارىيلىقتىن ئايرىلىش، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولۇش ھالىتى:[مىسال:] بۇ قوشاقلار ئەينى چاغدىكى خەلقنىڭ فېئوداللىق ئەركسىزلىككە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنىڭ بەدىئىي لىرىك ئىپادىسى.

ئەركىلەتمەك

  • ئەركىلەتمەك[يەشمىسى:] «ئەركىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۈگۈن نۇسرەت ئورنىدىن سەھەررەك تۇردى ۋە بوۋاقنى يېڭى يۆگەككە چىرايلىق قىلىپ ئورىدى ھەمدە ئەركىلىتىپ چېكىسىگە سۆيدى.

ئەركىلەشمەك

  • ئەركىلەشمەك[يەشمىسى:] «ئەركىلىمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەركىلەنمەك

  • ئەركىلەنمەك[يەشمىسى:] ① «ئەركىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② ئەركىلىك قىلماق، ئۆزىنى ئەركە ھالەتتە تۇتماق.

ئەركىلىك

  • ئەركىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىراۋغا يېقىملىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن قىلىنغان خۇلىق، قىلىق:[مىسال:] ئانا بالىنى ئەركىلەتكەنسېرى ئۇنىڭ ئەركىلىكى تېخىمۇ ئاشتى.

ئەركىلىمەك

  • ئەركىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ياخشى كۆرۈش، يېقىنچىلىق، سۆيۈنۈشنى ئىپادىلەيدىغان قىلىقلارنى قىلماق، ئەركىلىك قىلماق:[مىسال:] داداڭ ئۇرۇشتا قۇربان بولغان بولسىمۇ، يۇرتىمىز ئامان قالغانىدى. سەن ئەركىلەپ ئويناپ چوڭ بولدۇڭ.

ئەركىن

  • ئەركىن[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەرقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان، چەكلىمىدىن خالىي؛ ئازادە، بىمالال، خاتىرجەم، ئارامخۇدا:[مىسال:] ئەركىن ھايات. ئەركىنتۇرمۇش. ئەركىن رىقابەت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئەركى، ھوقۇقى ئۆز قولىدا بولغان، ئازاد:[مىسال:] ئۆزىنى ئەركىن تۇتماق.[يەشمىسى:] ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ئەركىن-ئازادە

  • ئەركىن-ئازادە[يەشمىسى:] ئەركىن ۋە ئازادە:[مىسال:] پارتىزانلار مانا ئەمدى ئەركىن-ئازادە ئولتۇرۇشۇپ تاماكا چېكىشكە باشلىدى.

ئەركىنچىلىك

  • ئەركىنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەرقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان، چەكلىمىدىن خالىي ھالەت؛ ئەركىنلىك.

ئەركىنلەشتۈرمەك

  • ئەركىنلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەركىنلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئەركىنلەشتۈرۈشمەك

  • ئەركىنلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ئەركىنلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەركىنلەشتۈرۈلمەك

  • ئەركىنلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئەركىنلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەركىنلەشمەك

  • ئەركىنلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەركىن ھالەتكە كەلمەك، ئەركىن بولماق.

ئەركىنلىك

  • ئەركىنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان ھالەت، ئەركىن تۇرمۇش:[مىسال:] پۇقرالارنىڭ پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى، جىسمانىي ئەركىنلىكى ۋە تۇرالغۇ جاي ئەركىنلىكى بولىدۇ.

ئەرگۇل

  • ئەرگۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بولت، گايكا ۋە چىشى مۈرۋەت قاتارلىقلارنىڭ يۈزىگە قىرىپ چىقىرىلىدىغان بۇرمىلىق سىزىقچىلار، رېزبا.[يەشمىسى:] ② باغلاپ قويۇلىدىغان ھايۋانلارنىڭ بوغۇلۇپ ياكى چىرمىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن نوختىنىڭ ئېڭەكلىكىگە ياكى بويۇن باغقا بېكىتىلىدىغان ھالقىسىمان تۆمۈر بۇرما.

ئەرلىك

  • ئەرلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەقەت ئەر كىشىلەردىلا بولىدىغان، ئەرلەرگە خاس:[مىسال:] ئەرلىك جىنس.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسى، ئەرەنلىك:[مىسال:] بۇ ئىككىسىنىڭ ئەرلىكى ئاجىز.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېرى بار، ئەرگە تەگكەن، تۇرمۇشقا چىققان:[مىسال:] ئەرلىك خوتۇن.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەرلەرگە خاس بولغان مەردلىك، باتۇرلۇق، مەردانىلىك، قەھرىمانلىق، جاسارەت، غەيرەت:[مىسال:]

  • يامۇلنىڭ تېگى زەيلىك،

  • بۇ دەردلەرگە نېم دەيلىك،

  • ئەرلىككە بەلنى باغلاپ

  • ياخشىلىقنى ئىزدەيلىك.

ئەرمەك

  • ئەرمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋاقىتنى كۆڭۈللۈك ياكى زېرىكمەي ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىرەر نەرسە، مەشغۇلات:[مىسال:] بالىلار ئەرمىكى.  ئۇرۇش-سوقۇش، دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈش دېگەنلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان ئەرمەك ئىكەن.

ئەرمەك بولماق

  • ئەرمەك بولماق[يەشمىسى:] مەلىكە بولماق، مەشغۇل بولماق.

ئەرمەن

  • ئەرمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى، ئۇلار ئەرمىنىيە دۆلىتىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ:[مىسال:] ئەرمەن تىلى. ئەرمەن خەلقى. ئەرمەن مىللىتى.

ئەرمۇ

  • ئەرمۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇڭى ئۈچ سانتىمېتىردىن بەش سانتىمېتىرغىچە بولغان قوزا تېرىسى.

ئەرمۇدۇن

  • ئەرمۇدۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئەرمۇدۇن ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، بىرقانچە مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ قوۋزىقى ۋە ئۇرۇقى تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ. تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل، تەمى قېرىق، زەھەرسىز، ھۆل ئىسسىقنى قايتۇرىدۇ، يارىلارنى قورۇيدۇ، ئاغرىقنى باسىدۇ. سوزۇلما خاراكتېرلىك تولغاق، نېرۋا ئاجىزلىق، ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ.

ئەرۋاھ

  • ئەرۋاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① روھ:[مىسال:] ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەرۋاھىغا دۇئا قىلماق.[يەشمىسى:] ② ئۆلگەن كىشىنىڭ ھايات ئادەم خىيالىدا ياكى چۈشىدە كۆرگەن كۆلەڭگىسى:[مىسال:] يارىم بەرگەن ئۈزۈكنى ئوڭ قولۇمدا ساقلايمەن، يارىمسەن ئۆلۈپ كەتسەڭ، ئەرۋاھىڭنى يوقلايمەن.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئادەمنىڭ جانسىز، گۆشسىز ئىسكىلىتى:[مىسال:] بۇ ئادەم شۇنچىلىك ئورۇق ۋە ھالسىز ئىدىكى، بەئەينى ئەرۋاھقا ئوخشايتتى.

ئەرۋەش

  • ئەرۋەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەپسۇن، سېھىر.

ئەرىن

  • ئەرىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كالپۇك، لەۋ.

ئەزا

  • ئەزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ياكى ھايۋان ئورگانىزمنىڭ مۇئەييەن ياكى مەلۇم بىر ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قىسمى:[مىسال:] باش ئەزا. سەزگۈ ئەزالىرى. ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرى.[يەشمىسى:] ② كىشىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى؛ جىسمى، تېنى:[مىسال:] كۆزلىرىم ئۇ قىزنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا نېمە ئۈچۈندۇر پۈتۈن ئەزايىم تىكەنلىشىپ، تىترەك ئولىشىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىجتىمائىي گۇرۇھ، كوللېكتىپ ياكى جەمئىيەتكە مەنسۇپ بولغان ھەربىر كىشى، شەخس:[مىسال:] پارتىيە ئەزاسى. سىياسىي كېڭەش ئەزاسى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تەڭلىمىدە تەڭلىمىنى تەشكىل قىلغۇچى ياكى تەڭلىمىگە قاتناشقۇچى ھەربىر بۆلەك:[مىسال:] ئەزا يۆتكىمەك. ئەزالارنى ئىخچاملىماق.

ئەزالىق

  • ئەزالىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر كوللېكتىپ، گۇرۇھ ياكى تەشكىلاتقا مەنسۇپلۇق، تەۋەلىك:[مىسال:] ئەزالىق كىنىشكىسى. ئەزالىق بەدىلى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئەزاسى بار، ئەزادىن تەشكىل تاپقان، ئەزانى ئۆز ئىچىگە ئالغان:[مىسال:] ئۈچ ئەزالىق ئەمەل. بىر نامەلۇملۇق ئىككى ئەزالىق تەڭلىمە. كۆپ ئەزالىق تەڭلىمىلەرنى يەشمەك.

ئەزان

  • ئەزان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مەزىننىڭ مەسچىتتە جامائەت بولۇشۇپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن قىلغان چاقىرىقى:[مىسال:] ئەزان ئېيتماق. ئەزان ۋاقتى.

ئەزەربەيجان

  • ئەزەربەيجان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] تۈركىي مىللەتلەردىن بىرىنىڭ نامى. ئۇلار ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىراندىمۇ خېلى كۆپ ئەزەربەيجانلار ياشايدۇ.

ئەزەل

  • ئەزەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] باشلىنىشى نامەلۇم بولغان ۋاقىت، قەدىمكى زامان؛ قەدىم:[مىسال:] شۇ كەمگىچە كۆرمىدىم كۈندۈز-تۈننىڭ پەرقىنى. ئەزەل قارا قىلغانمۇ خوتەنلىكنىڭ بەختىنى

ئەزەلدە

  • ئەزەلدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئاۋۋىلىسىدا، ئەسلىدە، پەيدا بولۇشىدا، قەدىم زامانلاردا:[مىسال:] ئەزەلدە بۇ يەر بىر جاڭگال ئىدى.

ئەزەلدىن

  • ئەزەلدىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① قەدىمكى زامانلاردىن بېرى، بۇرۇندىن، قەدىمدىن، ئەسلىدىن، پەيدا بولۇشىدىن:[مىسال:] ئۇ ئەزەلدىن تەنتەربىيىنى ياخشى كۆرىدۇ.[يەشمىسى:] ② ھېچقاچان، ئەسلا:[مىسال:] مەن ئەزەلدىن باشقىلارغا زىيان سالغان ئادەم ئەمەس.

ئەزەلىي

  • ئەزەلىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەزەلدىن تارتىپ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، ئەزەلدىنلا بار؛ تۇغما، قەدىمىي.

ئەزەلىيەت

  • ئەزەلىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئىدېئالىزملىق بىلىش نەزەرىيىسى. ئۇ بىلىش ئوبيېكتىپ شەيئىدىن، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن، ھېس-تۇيغۇدىن بۇرۇن بولىدىغان نەرسە، ئۇ تۇغما (ئەزەلىي) بولىدۇ. ئۆزىنىڭ كاللىسىدا ئەزەلدىن بار بولىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ.

ئەزەلىيچىلىك

  • ئەزەلىيچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئەزەلدىن تارتىپ بار، مەۋجۇت دەپ ھېسابلىنىدىغان كۆز قاراش، ئىدىيە، چۈشەنچە.

ئەزەلىيلىك

  • ئەزەلىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەدىمكى زامانغا خاس، قەدىمكى زامانغا تەئەللۇق ھادىسە:[مىسال:] ئەزەلىيلىك ئىدېئالىزمى. ئەزەلىيلىك پەلسەپىسى.

ئەزەم

  • ئەزەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ زور؛ كاتتا:[مىسال:] شاھى ئەزەم بىر كېچىسى ئاجايىپ قورقۇنچلۇق چۈش كۆرۈپتۇ.

ئەزبىرايى

  • ئەزبىرايى[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] راستتىنلا، جەزمەن، قەسەم شۇكى، خۇدا ھەققى:[مىسال:] ئەزبىرايى مەن بۇ سۆزنى قىلمىدىم.

ئەزدۈرمەك

  • ئەزدۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەزمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئەزرائىل

  • ئەزرائىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئادەملەرنىڭ جېنىنى ئالىدىغان ئەجەل پەرىشتىسى:[مىسال:] بىز بەگنى ئەزرائىلدەك ئۆچ كۆرىدىغان بولۇپ قالدۇق.

ئەزگۈ

  • ئەزگۈ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياخشى، خەيرلىك، ساۋابلىق:[مىسال:]

  • چىقماي نە ئۈچۈن قۇچقىلى باغرىمنى ئېچىپ،

  • ئۆمرۈمگە مېنىڭ ئەزگۈ شەرەپ-شان كېلىدۇ.

ئەزمە

  • ئەزمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گەپنى تەكرارلاۋېرىدىغان، گەپنى سوزۇپ ئىنجىقلاپ قىلىدىغان:[مىسال:] سىز تولا ئەزمە گەپلەرنى قىلىپ يۈرمەڭ، ۋاقىتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويىسىز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بوشاڭ، ئېزىلىپ يۈرىدىغان، ئېزىلەڭگۈ:[مىسال:] مۇشۇ زاماننىڭ بالىلىرى تازىمۇ ئەزمە كېلىدىكەن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېزىلەڭگۈ ئادەم:[مىسال:] مىلجىڭنى ئەزمە يېڭىدۇ، ئەزمىنى خۇدادىن بەزمە يېڭىدۇ (ماقال).

ئەزمەك

  • ئەزمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بېسىپ مىجىقلىماق، يانجىماق؛ سىقىپ سۈيىنى چىقارماق:[مىسال:] غۇلام ئالدىراش يۈگۈرۈپ كىردى-دە، پىشىپ تۈۋىگە چۈشكەن بىر شاپتۇلنى دەسسەپ ئېزىۋەتتى.[يەشمىسى:] ② ئۇرۇپ، سوقۇپ ئۇۋاقلىماق، يۇمشاتماق، ماكچايتماق:[مىسال:] ئۇ يۇمشىتىلىدىغان خام دورىلارنى ھاۋانچىدا ئېزىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ③ نەمدەپ ياكى سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ تەمىنى چىقارماق، سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرماق:[مىسال:] گۈلسۈم چاي ئىستاكانلىرىغا چاقماق قەنت سالدى-دە، چاي قوشۇقى بىلەن ئاستا مالتىلاپ ئېزىشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جەبىر، زۇلۇم سالماق؛ ئېكسپىلاتاتسىيە قىلماق:[مىسال:] ھۇسەيىننىڭ دادىسى گومىنداڭنىڭ چوڭ بىر ئەمەلدارى بولۇپ، خەلقنى ئېغىر ھالدا ئەزگەنىدى.[يەشمىسى:] ⑤ كېسەل ياكى قىيىنچىلىق جىسمانىي جەھەتتىن بوشاشتۇرماق:[مىسال:] خۇشاللىقنى ئۇنتۇدى پەرھات، يۈزلىرىدىن كۆچتى قىزىللىق. كۆزلىرىدە ئوينىدى ھەسرەت، ئەزدى ئۇنى مىسكىن يېتىملىك.[يەشمىسى:] ⑥ روھىي جەھەتتىن ئازابلىماق، چۈشكۈنلۈككە ئۇچراتماق، قىينىماق؛ بىئارام قىلماق، ھاياجانلاندۇرماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ھازىرقى ھالى يۈرەك-باغرىمنى ئەزدى.  قىزنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى يۈرىكىمنى ئەزدى.[يەشمىسى:] ⑦ بىرەر گەپنى ئەزمىلىك بىلەن سوزماق، گەپنى چايناپ ئۇزارتماق:[مىسال:] ئۇ بىرھازا ئەزمىسىنى ئەزدى، ئاڭلىماي كېتىۋېرەي دېسەم، «ھال پەيدا بولۇپ قاپتۇ»، دەپ ئويلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم.

ئەزمىلەشمەك

  • ئەزمىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① گەپنى تەكرارلاۋەرمەك، گەپنى سوزۇپ ئىنجىقلاپ قىلماق:[مىسال:] بىزنىڭ بۇ باشلىقىمىز ئەزمىلىشىپ يىغىن ئاچسا بىر كۈننى ئالىدىغان بولدى.[يەشمىسى:] ② بوشاپ كەتمەك، ئاستا، ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن قىلماق:[مىسال:] سايىم، ئەزمىلىشىپ كېتىپسەن، ئاخشام توي باغىقىنى نېمە ئۈچۈن ئىگىسىگە يەتكۈزۈپ بەرمەيسەن دېدى ئۇ سايىمغا.

ئەزمىلىك

  • ئەزمىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىش ۋە سۆز-ھەرىكەتتە ئېزىلىپ يۈرىدىغان ئادەت؛ بوشاڭلىق:[مىسال:] ئۇ ئاۋۋال ئالدىرىماي تۇرۇپ ئۈستەلنى سۈرتتى. ئاندىن باشقىلارغا سۆزلىگەچ ئەزمىلىك بىلەن چاپىنىنى يېشىپ، ئىلغۇچقا ئاستى.

ئەزۋەيلەتمەك

  • ئەزۋەيلەتمەك[يەشمىسى:] «ئەزۋەيلىمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ دورا شىپا بولۇش يىراق تۇرسۇن، ئەكسىچە، كېسىلىنى ئەزۋەيلىتىپ قويدى.

ئەزۋەيلەشمەك

  • ئەزۋەيلەشمەك[يەشمىسى:] «ئەزۋەيلىمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەزۋەيلەنمەك

  • ئەزۋەيلەنمەك[يەشمىسى:] «ئەزۋەيلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەزۋەيلىمەك

  • ئەزۋەيلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۆزدە، ھەرىكەتتە جىددىيلىشىپ بارغانسېرى ئۆرلەپ كەتمەك، كۈچەيمەك، ئەۋجىگە چىقماق، ئەدەپ كەتمەك:[مىسال:] تۇرسۇن ئايىمنىڭ جۇدۇنى تۇتقاندا، ئۆزى سۆزلەپ، ئۆزى ئۆرلەپ، ئۆزى پەسكويغا چۈشمىسە، بېرىلگەن تەسەللى كۆيۈۋاتقان ئوت ئۈستىگە قۇيۇلغان ياغ بولاتتى-دە، تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كېتەتتى.[يەشمىسى:] ② تېز پۇرسەتتە ئېگىز بولۇپ ئۆسمەك:[مىسال:] بىرقانچە يىلدىن بۇيانقى ھۆل-يېغىن بىلەن يول بويىدىكى دەرەخلەر بەس تاشلاپ ئەزۋەيلەپ ئۆسكەنىدى.

ئەزىز

  • ئەزىز[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە، قەدىرلىك، سۆيۈملۈك:[مىسال:] ئەزىز مېھمان. ئەزىز دوست. ئەزىز ئوغلۇم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇلۇغ، سۆيۈملۈك، بىباھا:[مىسال:]

  • ئەي ئەزىز ئانا دىيارىم ياشنىدىڭ بوستان بولۇپ،

  • كۈيلىنەر ئىشقىڭ تۈمەن دىلدا غەزەل-داستان بولۇپ.[يەشمىسى:] ③ ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىسمى.

ئەزىزانە

  • ئەزىزانە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ھۆرمەت، ئېتىبار ۋە ياخشى كۆرۈشكە ئېرىشكەن:[مىسال:]

  • ئەزىزانە قەشقەرنىڭ شېرىن-شەربەت سۈيى بار،

  • ھايات بىلەن قوشكېزەك ياڭراق ناخشا كۈيى بار.

ئەزىزلەشمەك

  • ئەزىزلەشمەك [يەشمىسى:] ① «ئەزىزلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى :[مىسال:] بىر ئائىلىدىكى ئەر ۋە ئايال تەرەپ بىر-بىرىنى ئەزىزلەشسىلا ئائىلىدە ياخشى كەيپىيات بارلىققا كېلىدۇ . [يەشمىسى:] ② ھۆرمەتكە ، ئېتىبارغا ، ئالاھىدە ياخشى كۆرۈشكە ئېرىشمەك : [مىسال:] ئاشۇ كۈنلەردە بازارنىڭ ھېچ قەيېرىدە سارجا بولمىغاچقا ئۇنى ئېزدەۋاتقانلار ئارىسىدا ئەزىزلىشىپ كەتتى .

ئەزىزلەنمەك

  • ئەزىزلەنمەك [يەشمىسى:] «ئەزىزلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى : [مىسال:] دىلشات بۇ ئىككى قېرىنىڭ كۆز نۇرى ، ئىككى دۇنيالىقى بولغاچقا ، ئۆيدە ئىنتايىن ئەزىزلىنەتتى .

ئەزىزلىك

  • ئەزىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە، ھۆرمەتلىشىگە نائىل بولۇش، ئۇلۇغلۇق.

ئەزىزلىمەك

  • ئەزىزلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئالاھىدە ياخشى كۆرمەك، ئەتىۋارلىماق، ھۆرمەتلىمەك، ئىززەت-ئىكرام قىلماق:[مىسال:] خەلق ئۈچۈن ئىشلىگەن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان كىشىنى ھەممە ئەزىزلەيدۇ.[يەشمىسى:] ② ئۇلۇغ، سۆيۈملۈك دەپ قارىماق:[مىسال:] ئۇنى بۇنچىۋالا ئەزىزلەپ كەتمىسىلە، دېدى ساۋۇت سەل نارازى بولۇپ.

ئەزىم

  • ئەزىم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۇلۇغ، بۈيۈك، چوڭ، زور؛ كاتتا:[مىسال:] ئادەمنىڭ كۆڭلى ئەزىم دەريا بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەممە نەرسە سىغىدۇ.

ئەزىمەت

  • ئەزىمەت[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كاتتا، بۈيۈك، زور:[مىسال:]

  • ئىلىخو... ئىلىخو... ئەزىمەت شەھەر،

  • تاغلاردىن قوش قانات ئاچقان ئىشىكسەن.

  • باغرىڭدىن باتۇرلۇق ئوغۇزىنى ئېمىپ،

  • پالۋانلار ئويغانغان ئالتۇن بۆشۈكسەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەر ئىشنى قىلىشقا جۈرئەتلىك، قۇدرەتلىك، مەرد:[مىسال:] كۆردۈڭلارمۇ بۇ ئەزىمەتنى، ئۇ يالغۇز ئەمەلدارلىق قىلىشنىلا ئەمەس يەنە تراكتور ھەيدەشنىمۇ بىلىدىكەن، يېزا كادىرى دېگەن شۇنداق بولسۇن-دە[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەرد، باتۇر، پالۋان، قەيسەر:[مىسال:] دوستۇم كامال، گەپ قىلساڭچۇ، سەن باتۇر-ئەزىمەت ئىدىڭغۇ[يەشمىسى:] ④ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ئەزىمەتلىك

  • ئەزىمەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەردلىك، باتۇرلۇق، قەيسەرلىك:[مىسال:] يىگىتلەر، سىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئەزىمەتلىكىڭلار خەلقىمىزنىڭ تارىخىدا تېگىشلىك ئورۇن ئالىدۇ، دېدى ئەترەت باشلىقى.

ئەزىيەت

  • ئەزىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① رەنج، ئازار، زىيان-زەخمەت:[مىسال:] ئەزىيەت تارتماق. ئەزىيەت چەكمەك.[يەشمىسى:] ② قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەت، ئازاب:[مىسال:] چۈشۈمدە بىر يۇرتتا بىر توپ خەلق قوللىرى باغلىنىپ، يۈرەك-باغرى داغلىنىپ ئەزىيەت ئىچىدە قاپتۇ.

ئەزىيەتلىك

  • ئەزىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جەبىر-زۇلمى، ئازاب-ئوقۇبىتى، جاپا-مۇشەققىتى، جەبىر-جاپاسى بولغان؛ جاپا-مۇشەققەتلىك:[مىسال:] ئۇ ئابدۇللانىڭ ئەزىيەتلىك ئېغىر قىسمەتلىرى توغرىسىدا ئاڭلىغان ۋە ئۇنى ئۆزى بىلەن تەقدىرداش ھېسابلاپ كەلگەنىدى.

ئەس

  • ئەس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەمنىڭ بىلىش، پىكىر قىلىش قابىلىيىتى؛ ئاڭ، زېھىن، ھوش، ئەقىل:[مىسال:] ئېسىنى يوقاتماق. ئېسىنى يىغماق. ئېسىنى تاپماق. ئېسىنى بىلمەك. * ئېسىڭ بارىدا ئېتەك ياپ (ماقال).[يەشمىسى:] ② يادىدا ساقلاش، يادقا ئېلىش قابىلىيىتى؛ ياد، خاتىرە:[مىسال:] ئەستە تۇتماق. ئەستە قالدۇرماق. ئەسكە ئالماق. ئەسكە سالماق. ئېسىگە كەلمەك.

ئەسەب

  • ئەسەب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] نېرۋا ۋە نېرۋا تومۇرلىرى سىستېمىسى:[مىسال:] ئايۇپ ئاكىنىڭ ھېلىقى زەھەرلىك سۆزلىرى ئۇنىڭ ئەسەبلىرىنى قوزغايتتى.

ئەسەبىي

  • ئەسەبىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئاچچىقى، غەزىپى، زەردىسى تېز كېلىدىغان:[مىسال:] ئەسەبىي كىشى. ئەسەبىي بالا. ئەزەلدىن تەمكىن ۋە خۇش چىراي بۇ ھاكىم تاقەت قىلالماي ئەسەبىي ئادەمدەك ۋارقىراپ تاشلىدى.[يەشمىسى:] ② يامان خاراكتېرلىك، غەلىتە مىجەزلىك:[مىسال:] سوتلار قانلىق ۋە ھەيران قالارلىق ۋەقەلەرنى مەززە قىلىپ ئاڭلىغۇچى ئەسەبىي خوتۇنلارغا تولۇپ كېتەتتى.[يەشمىسى:] ③ قاتتىق ئاچچىق:[مىسال:] ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى قانداقتۇر بىر خىل ئەسەبىي قەھرۇغەزەپ چىرمىۋالغانىدى.

ئەسەبىيلەرچە

  • ئەسەبىيلەرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئەسەبىيلەردەك، ئەسەبىي كىشىلەرگە خاس يوسۇندا:[مىسال:] ئۇلار خۇشال بولغاندا ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراپ كېتىدۇ.

ئەسەبىيلەشتۈرمەك

  • ئەسەبىيلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەسەبىيلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاڭلانغان بۇ شۇم خەۋەر ئۇنى تېخىمۇ ئەسەبىيلەشتۈردى.

ئەسەبىيلەشتۈرۈشمەك

  • ئەسەبىيلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ئەسەبىيلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەسەبىيلەشتۈرۈلمەك

  • ئەسەبىيلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئەسەبىيلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەسەبىيلەشمەك

  • ئەسەبىيلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەسەبىي ھالەتكە كەلمەك؛ خۇيىنى بۇزماق، چېچىلماق:[مىسال:] دەل شۇ مىنۇتتا ئېلشات بىردىن ئەسەبىيلەشتى.

ئەسەبىيلىك

  • ئەسەبىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەسەبىيلەرگە خاس مىجەز، خاراكتېر:[مىسال:] كېرەم ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ھېلىقى ئادەمگە لاپپىدە قارىۋالدى-دە، ئەسەبىيلىك بىلەن ۋارقىرىۋەتتى.

ئەسەد

  • ئەسەد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ① ئەسەد بۇرچى.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ئەسەرⅠ

  • ئەسەرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىدىن قالغان ياكى ئۇنىڭدىن دېرەك بېرىدىغان بەلگە، ئىز؛ ئالامەت:[مىسال:] تېۋىپ ئۇنىڭ تومۇرىنى ھەرقانچە تۇتۇپ باققان بولسىمۇ، ھېچقانداق كېسەللىكنىڭ ئەسىرىنى سېزەلمەپتۇ.[يەشمىسى:] ② تەسىر:[مىسال:] سېنىڭ سۆزۈڭ ماڭا ئەسەر قىلدى.[يەشمىسى:] ③ كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان نېرۋا ئاجىزلىق ئالامىتى:[مىسال:] ئەسىرى بار ئادەم. ئەسىرى تۇتماق.

ئەسەرⅡ

  • ئەسەرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئىجادىي مېھنەت مەھسۇلى:[مىسال:] ئىلمىي ئەسەر يازماق. ئەسەر ياراتماق.  ئۇنىڭ دورىگەرلىك ئىلمىغا ئائىت ئۈچ پارچە ئەسىرى نەشىر قىلىندى.

ئەستا

  • ئەستا[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] «ئەستاغپۇرۇللا» نىڭ قىسقارتىلغان شەكلى:[مىسال:] ئەستا، ئۇ نېمىشقا كەلمەيدىغاندۇ.

ئەستاغپۇرۇللا

  • ئەستاغپۇرۇللا[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئەجەبلىنىش، ھەيران قېلىش، تەئەججۈبلىنىش مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئەستاغپۇرۇللا، ئەستاغپۇرۇللا، نېمە بولۇپ كەتتى بۇ ئىش، بۇ جاھان.[يەشمىسى:] ② غەزەبلىنىش، ئاچچىقلىنىشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئالغاندا بىسمىللا، بەرگەندە ئەستاغپۇرۇللا (ماقال). * ئۇ: − ئەستاغپۇرۇللا، بۇ بەڭۋاش نەگە كەتكەندۇ؟ − دەپ بالىسىنى تىللىدى.[يەشمىسى:] ③ ئەپسۇسلىنىش، پۇشايماننى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ ئۆيىگە بېرىپ چېيىنى ئېچە-ئىچمەيلا، − ئەستاغپۇرۇللا ھېلىقى ئىشنى ئۇنتۇپتىمەن ئەمەسمۇ، − دەپ ئالدىراپ چىقىپ كەتتى.

ئەستايىدىل

  • ئەستايىدىل[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① چىن كۆڭلىدىن، كۆڭۈل قويۇپ، قېتىرقىنىپ:[مىسال:] ئوسمان دوختۇر بالىنىڭ كېسىلىنى ئەستايىدىل تەكشۈردى.[يەشمىسى:] ② ھەممە تەرەپنى ھېسابقا ئېلىپ، ئەتراپلىق:[مىسال:] ئۇ ئەستايىدىل ئويلانماقتا ئىدى.

ئەستايىدىللىق

  • ئەستايىدىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆڭۈل قويۇپ، قېتىرقىنىپ ئىش كۆرۈش ئادىتى، مىجەز:[مىسال:] دوختۇر ئۇنىڭ كېسىلىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ چىقتى.

ئەستەر

  • ئەستەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كىيىم-كېچەك ياكى كۆرپىگە ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ئىچكى قەۋىتى، ئىچكى تەرىپىگە تىكىلگەن ماتېرىيال، رەخت:[مىسال:] چاپاننىڭ ئەستىرى. كۆرپىنىڭ ئەستىرى. يوتقاننىڭ ئەستىرى.

ئەستەرلەتمەك

  • ئەستەرلەتمەك[يەشمىسى:] «ئەستەرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئايالىم يوتقان-كۆرپىنى ئەستەرلىتىپ كەلدى.

ئەستەرلەشمەك

  • ئەستەرلەشمەك[يەشمىسى:] «ئەستەرلىمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەستەرلەنمەك

  • ئەستەرلەنمەك[يەشمىسى:] «ئەستەرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەستەرلىك

  • ئەستەرلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەستىرى بار، ئەستەرلەنگەن:[مىسال:] ئابدۇكېرەم تۆت يانچۇقلۇق، ئەستەرلىك چاپىنىنىڭ ئىزمىلىرىنى يېشىۋەتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەستەر قىلىشقا يارايدىغان، ئەستەر قىلىشقا بولىدىغان:[مىسال:] ئەستەرلىك رەخت.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەستەر قىلىشقا يارايدىغان، ئەستەر قىلىشقا بولىدىغان رەخت، نەرسە:[مىسال:] ئەستەرلىك سېتىۋالماق.∥مامۇت تىكتۈرمەكچى بولغان پەلتۇسىنىڭ ئەستەرلىكىنىمۇ ئۇ دۇكاندىن سېتىۋالدى.

ئەستەرلىمەك

  • ئەستەرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئەستەرگە ئالماق، ئەستەر ئورناتماق:[مىسال:] چاپاننى ئەستەرلىمەك. يوتقاننى ئەستەرلىمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاز-تولا بىر نەرسە يېمەك، تويغۇزماق:[مىسال:] جامال ئاكا ناتونۇش كىشىگە: − ئاۋۋال قورساقنى ئازراق ئەستەرلەيلى، ئاندىن سۆزلىشەيلى، − دېدى.

ئەستى

  • ئەستى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئېھتىمال، بەلكى، تايىنلىق.

ئەستىلىك

  • ئەستىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر كىشىگە ياكى ئۆز يېقىنلىرىغا خاتىرە ئۈچۈن ھەدىيە قىلىنغان نەرسە، بۇيۇم، يادىكارلىق:[مىسال:] بۇ ساڭا ئەستىلىك بولسۇن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن، كەچۈرگەن ياكى ئۆز ھاياتىدا يۈز بەرگەن ئىش، ھادىسە، ۋەقە ھەققىدىكى ئەسلىمە:[مىسال:] ئۇنىڭ مەيۈس چىرايى، غەمكىن كۆزلىرى قانداقتۇر بىر ئاچچىق خاتىرە، كۆڭۈلسىز ئەستىلىكلەرنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.

ئەسرا

  • ئەسرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] سىر، سىرداش، ھەمسۆھبەت، ھەمراھ:[مىسال:] ئەسرا بولماق.

ئەسرالىق

  • ئەسرالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەسرا بولۇش، سىرداشلىق، ھەمراھلىق.

ئەسسالام

  • ئەسسالام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] سالاملاشقاندا ئېيتىلىدىغان، «سالامەت، ئامان بولۇڭ» مەنىسىدىكى ئادەت سۆزى:[مىسال:] −ئەسسالام، − دەپ ئېڭىشىپ سالام بېرىپتۇ قىز بوۋىسىغا.

ئەسسالامۇئەلەيكۇم

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا تىنچلىق-ئامانلىق:[مىسال:] «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دېسە، «بەش تەڭگەمنى بەر»، دەپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قانداق، مەن دېگەندەك بولدىمۇ... غا ئوخشاش قارشى تەرەپنى ئۇيالدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۆز:[مىسال:] ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇنىماي كېتىۋېدىڭىز، قايتىپ كەپسىزغۇ؟

ئەسسىز

  • ئەسسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاڭلاش، پىكىر قىلىش، سېزىش ئىقتىدارى، ئىدراكى تۆۋەن.

ئەسسىزلىك

  • ئەسسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەسلەش ياكى تەسەۋۋۇر، پىكىر قىلىش قابىلىيىتى تۆۋەنلىك ئۇنتۇغاقلىق، بىلەلمەسلىك:[مىسال:] قارا مېنىڭ ئەسسىزلىكىمنى، دېدى ئۇ خىجىل بولغاندەك.

ئەسقاتماق

  • ئەسقاتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كېرەككە كەلمەك، ئىشقا يارىماق، پايدا بەرمەك:[مىسال:] مەن ئۇ يەردە خېلى ئەسقاتتىم.

ئەسقېتىشماق

  • ئەسقېتىشماق[يەشمىسى:] «ئەسقاتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] دوست دېگەن مۇشۇنداق ۋاقىتتا بىر-بىرىگە ئەسقېتىشمىسا، ئۇنى دوست دېگىلى بولمايدۇ-دە.

ئەسكەر

  • ئەسكەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان كىشى، ھەربىي قوشۇن ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك جەڭچى:[مىسال:] پىيادە ئەسكەر. ئاتلىق ئەسكەر.[يەشمىسى:] ② دۆلەتنىڭ قوراللىق كۈچلىرى ياكى ئۇلارنىڭ بىر قىسمى؛ قوشۇن، ئارمىيە:[مىسال:] مۇنتىزىم ئەسكەر. خەلق ئەسكىرى.

ئەسكەرتكۈزمەك

  • ئەسكەرتكۈزمەك[يەشمىسى:] «ئەسكەرتمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئەسكەرتمە

  • ئەسكەرتمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك سۆز-ئىبارىلەرگە بېرىلگەن چۈشەندۈرۈش، قوشۇمچە، تەكىت:[مىسال:] كىتابنىڭ ئاخىرىغا نۇرغۇن ئەسكەرتمىلەر بېرىلدى.

ئەسكەرتمەك

  • ئەسكەرتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئېسىگە سالماق، يادىغا چۈشۈرمەك:[مىسال:] قۇددۇس تالادا يامغۇر يېغىۋاتقانلىقىنى يەنە ئەسكەرتتى.[يەشمىسى:] ② ئەسكەرتىش بەرمەك، چۈشەنچە بەرمەك:[مىسال:] قاسىم ئۆزىنىڭ سۇچىلىقنى ئوقۇغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.[يەشمىسى:] ③ ئاگاھلاندۇرماق، تەكىتلىمەك:[مىسال:] پارتىزانلار ئۇنىڭ چىشىغا تولا تەگمەسلىكىمنى پات-پات ئەسكەرتىپ قوياتتى.

ئەسكەرتىش

  • ئەسكەرتىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسە توغرىسىدا بېرىلگەن چۈشەندۈرۈش، قوشۇمچە ئىزاھ؛ ئەسكەرتمە:[مىسال:] مەنسۇر تۇرسۇن توغرىسىدا ئەكبەرگە بەزى ئەسكەرتىشلەرنى بەردى.

ئەسكەرتىشمەك

  • ئەسكەرتىشمەك[يەشمىسى:] «ئەسكەرتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىرنەچچە كىشى ئەتراپتىكى كىشىلەرگە قاراپ ئۇنى قارىغۇ خوجا دېمەي، ئۇنى ئىليار خوجا دەپ ئاتاشنى ئەسكەرتىشتى.

ئەسكەرتىلمەك

  • ئەسكەرتىلمەك[يەشمىسى:] «ئەسكەرتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇقتۇرۇشتا دىلدارنىڭ ئىسمى يېزىلغان ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەنىدى.

ئەسكەرچە

  • ئەسكەرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئەسكەرلەرگە خاس، ئەسكەرلەرگە ئوخشاش:[مىسال:] ئەسكەرچە كىيىم.

ئەسكەرچىلىك

  • ئەسكەرچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەسكەرلىك ھاياتى، تۇرمۇشى:[مىسال:] ئەسكەرچىلىك دېگەن ھەقىقەتەن تەس، تەقسىر، ئەسكەرنىڭ بوينى قىل ئارغامچىدا باغلاقلىق بولىدىكەن، دېدى ئۇ يېنىدىكى ئەسكەرلەرگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ.

ئەسكەرخانا

  • ئەسكەرخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئەسكەرلەر تۇرىدىغان جاي:[مىسال:] دادام ئەسكەرخانىدا ھەربىي خىزمەت ئىشلەيتتى.

ئەسكەرلىك

  • ئەسكەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەسكەر بولۇش ئىشى، مەجبۇرىيىتى:[مىسال:] ئەسكەرلىككە ئالماق. ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلماق. ئەسكەرلىككە چاقىرماق.

ئەسكەرمەك

  • ئەسكەرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆز ئالدىغا، يادىغا كەلتۈرمەك، ئاڭقارماق، ئەسكە ئالماق، ئەسلىمەك.

ئەسكى

  • ئەسكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئىشلىتىلىپ، كۆپ تۇتۇلۇپ كونىرىغان، كونا، سۈپىتىدىن چۈشكەن:[مىسال:] ئەسكى چاپان. ئەسكى كىگىز. * ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى، يامان تۇغقان ئۆلگەندە ياخشى (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئىستېمالدىن قالغان، تاشلىۋېتىلگەن، تاشلاندۇق:[مىسال:] بۇنداق ئەسكى، سۇنۇق نەرسىلەرنى ئېلىپ نېمە قىلىسەن دەپ سورىدى ھۈسەن چوقۇر.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يامان، بۇزۇق، ئوسال، ناچار:[مىسال:] ئەسكى ئادەم. ئەسكى قىلىق.  ئۇ شۇمتەكنىڭ قىلىقى ئەسكى بولغان بىلەن كۆڭلى ياخشى ئىكەن.

ئەسكىپۇرۇش

  • ئەسكىپۇرۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىپ، ئېلىپ ساتقۇچى كىشى:[مىسال:] سېنىڭ بۇ ئەسكى لاتا، ئەسكى ئاياغ ۋە تۆمۈر-تەرسەكلىرىڭنى پەقەت بازاردىكى ئەسكىپۇرۇشلارلا سېتىۋېلىشى مۇمكىن.

ئەسكىپۇرۇشلۇق

  • ئەسكىپۇرۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىش ۋە ئېلىپ سېتىش بىلەن شوغۇللىنىش ئىشى:[مىسال:] ئەسكىپۇرۇشلۇق قىلماق.

ئەسكى-تۈسكى

  • ئەسكى-تۈسكى[يەشمىسى:] ئەسكى، كونا، ئىشلىتىشتىن قالغان، تاشلاندۇق:[مىسال:] ئۆينىڭ ئويۇقىدا ئورۇن-كۆرپە بىلەن بىر قۇچاق ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەر تىزىپ قويۇلغانىدى.

ئەسكىرەتمەك

  • ئەسكىرەتمەك[يەشمىسى:] «ئەسكىرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بالا شۇ كۈنى ئالغان ئويۇنچۇقنى شۇ كۈنىلا ئەسكىرىتىۋەتتى.

ئەسكىرىمەك

  • ئەسكىرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئەسكى، يارامسىز ھالغا كەلمەك، كونىرىماق:[مىسال:] ئەسكىرىگەن چاپان. ئۇنىڭ كىيىم-كېچىكى بەك ئەسكىرەپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② يامان، ئەسكى، ئوسال قىلىقنى يۇقتۇرۇۋالماق، ئوساللاشماق، يامانلاشماق:[مىسال:] ئۇ بالا يېقىندىن بېرى ئەسكىرىۋالدى.

ئەسكىرىي

  • ئەسكىرىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەسكەرگە، قوشۇنغا ئائىت بولغان؛ ھەربىي:[مىسال:] ئەسكىرىي كۈچ. ئەسكىرىي خىزمەت.

ئەسكىلەشتۈرمەك

  • ئەسكىلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەسكىلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ چاغدىكى ۋەزىيەت ياش ئوقۇغۇچىلارنى بەكمۇ ئەسكىلەشتۈرۈۋەتكەنىدى.

ئەسكىلەشمەك

  • ئەسكىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كونا، ۋەيرانە ھالەتكە كەلمەك، كونىرىماق:[مىسال:] ھازىرقى بۇ مەكتەپ بىناسى ناھايىتى ئەسكىلىشىپ ئۆرۈلەي دەپ قالدى.[يەشمىسى:] ② كەپسىز، ئەدەپسىز، بىھايا بولماق، ئوساللاشماق:[مىسال:] كىچىك بالىنى ئوقۇتماي كوچىغا قويۇۋەتسە ئۇزىمايلا ئەسكىلىشىپ كېتىدۇ.

ئەسكىلىك

  • ئەسكىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەدەپسىزلىك، قىلىقسىزلىق، يامانلىق، ئوساللىق:[مىسال:] دۇنيادا ۋەدىسىدە تۇرمىغاندىن ئارتۇق ئەسكىلىك بارمۇ؟

ئەسل

  • ئەسل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① دەسلەپكى، ئاۋۋالقى، ھەقىقىي ھالەت، نېگىز:[مىسال:] سىزنىڭ كېسىلىڭىزگە زۇپا شەربىتى مەنپەئەت قىلىدۇ، بۇنى تەييارلاشقا زۇپانىڭ ئەسلىسى بولسا ناھايىتى ياخشى.[يەشمىسى:] ② كېلىپ چىقىش، نەسەب:[مىسال:] چىرايىڭغا قارىسام، خېلى ئىمانى بار مۇسۇلماننىڭ بالىسىدەك قىلىسەن، سېنىڭ ئەسل-زاتىڭ ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئەمەس.[يەشمىسى:] ③ ئاۋۋالقى نۇسخا:[مىسال:] تەرجىمان بولغان كىشى ھەم ئەسلىگە سادىق بولۇشى ۋە ئىجادىي تەرجىمە قىلىشى لازىم.

ئەسلا

  • ئەسلا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① پەقەت، ھېچقاچان؛ زادى:[مىسال:] بۇ گەپنى مەن ئەسلا دېمىدىم.[يەشمىسى:] ② ئەسلىدە، بۇرۇنىسىدا:[مىسال:] بۇ تاغلار ئېگىز تاغلار، تېشى بار، توپىسى يوق، ئەسلا كۆيمىگەن يارنىڭ، دەردى بار ۋاپاسى يوق.

ئەسلەتمە

  • ئەسلەتمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئەسلىتىپ قويۇشقا تېگىشلىك سۆز-ئىبارىلەرگە بېرىلگەن چۈشەندۈرۈش. [يەشمىسى:] ② مەلۇم مەسىلىنىڭ پاكىت ۋە جەريانىنى ئىزاھلاپ بېرىدىغان دىپلوماتىيە ھۆججىتى.

ئەسلەتمەك

  • ئەسلەتمەك[يەشمىسى:] «ئەسلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ قىياپىتى گويا يىرتقۇچ ھايۋاننى ئەسلىتەتتى.

ئەسلەشمەك

  • ئەسلەشمەك[يەشمىسى:] «ئەسلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئۆتكەنكى ئىشلارنى ھاياجان بىلەن ئەسلەشتى.

ئەسلەنمەك

  • ئەسلەنمەك[يەشمىسى:] «ئەسلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كۆزىگە ياش ئېلىپ ئەسلەندى رەناگۈل، ئىدى بەش جان كىشىنىڭ ھەممىسى بىر قۇل.

ئەسل-نەسىل

  • ئەسل-نەسىل[يەشمىسى:] ئۇرۇق-ئەۋلاد، ئۇرۇق-جەمەت؛ ئاتا-بوۋا، كېلىپ چىقىش:[مىسال:] شامەخسۇت ۋاڭ قول ئاستىدىكىلەرگە يارلىق چۈشۈرۈپ، تۆمۈر خەلپىنىڭ ئەسل-نەسلىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتۇۋەتمەكچى بولدى.

ئەسل-ۋەسىل

  • ئەسل-ۋەسىل[يەشمىسى:] ئۇرۇق-تۇغقان ۋە مال-مۈلۈك، بالا-چاقا ۋە ئۆي-سەرەمجان:[مىسال:] ئۇ پۈتۈنلەي ئەيش-ئىشرەت ۋە قىمارغا بېرىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئەسل-ۋەسلىدىن ئايرىلدى.

ئەسلىدە

  • ئەسلىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، ھەقىقەتتە، ئەمەلىيەتتە:[مىسال:] بوۋاي ئەسلىدە ناھايىتى دانىشمەن، ھەممە ئىلىملاردىن خەۋەردار ئىكەن.

ئەسلىك

  • ئەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يادىدا ساقلىيالايدىغان، ئېسىدە، خاتىرىسىدە قالدۇرالايدىغان:[مىسال:] ئابدۇللا مېنىڭ ئالدىمغا خېلى ئەسلىك چاغدا ئانىسىغا ئەگىشىپ كەلگەن.[يەشمىسى:] ② ئەس-ھوشى بار، ئەقىللىق، زېرەك:[مىسال:] بۇ بالىنى ئەسلىك دەپ ئۆيدە قالدۇرۇپ كەتكەن.

ئەسلىمە

  • ئەسلىمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەسكە ئېلىنغان، ئېسىگە كەلگەن كەچۈرمىش، خاتىرە:[مىسال:] شۇ چاغلاردىكى ياشلىق ئەسلىمىلىرى ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىپ، كۆڭلى بىرئاز كۆتۈرۈلدى.

ئەسلىمەك

  • ئەسلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئەسكە ئالماق، ئېسىگە كەلتۈرمەك؛ خاتىرىسىگە كەلتۈرمەك:[مىسال:] ئۇ ھەر كۈنى ئورنىدىن تۇرغاندا كېچىچە قانداق چۈش كۆرگەنلىكىنى ئەسلەيتتى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىئولوگىيە<[يەشمىسى:] بولۇپ ئۆتكەن شەيئىلەرگە بولغان ئىنكاسنى قايتا ئەكس ئەتتۈرمەك.

ئەسلىھە

  • ئەسلىھە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۇرۇش، جەڭ ئۈچۈن كېرەكلىك قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا ماتېرىياللار:[مىسال:] دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى.[يەشمىسى:] ② ئۈسكۈنە، جاھاز:[مىسال:] ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى. قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى.

ئەسلىي

  • ئەسلىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دەسلەپكى، ئەسلىدىكى، باشتىكى:[مىسال:] ئەسلىي نۇسخا.  ئۇلار ئەسلىي پىلان بويىچە سىزنى بەش يىل زەربىدارلىق بىلەن تەربىيىلەپ باقماقچى ئىكەن.

ئەسمەكⅠ

  • ئەسمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېگەن تاماق ھەزىم بولماي قورساقنى كۆپتۈرمەك:[مىسال:] ھازىر يېگەن شاپتۇل قورسىقىمنى ئېسىپ، بىئارام قىلىۋەتتى.

ئەسمەكⅡ

  • ئەسمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئۇرماق، ئۆتمەك، چىقماق، يەلپۈمەك (شامال ھەققىدە):[مىسال:] ئەي گۈزەل قىز، يېنىمدىن ئۆتتۈڭ، ئىپار چېچىپ ئەسكەندەك شامال. زىباغىنا قامىتىڭ سېنىڭ گويا يېڭى گۈللىگەن نىھال.

ئەسنا

  • ئەسنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەت، ۋەقە، ھادىسە سادىر بولۇپ تۇرغان پەيت، پۇرسەت، چاغ:[مىسال:] شۇ ئەسنادا ئىچكىرىدىن سوغا ئارتقان ئېشىكىنى ھەيدەپ بالىنىڭ دوستى چىقتى.

ئەسنەتمەك

  • ئەسنەتمەك[يەشمىسى:] «ئەسنىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قاراۋۇلنى تاڭ ئۇيقۇسى ئەسنەتتى.

ئەسنەشمەك

  • ئەسنەشمەك[يەشمىسى:] «ئەسنىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار قۇرۇق ئەسنەشتى.

ئەسنەك

  • ئەسنەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئۇيقۇسىرىغاندا ئېغىزنى چوڭ ئېچىپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش نەتىجىسىدە، قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى كۆپىيىپ ۋە مېڭىدىكى نەپەسلەندۈرۈش مەركىزىنى غىدىقلاش ئارقىلىق پەيدا قىلىدىغان بىر خىل فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە:[مىسال:] ئۇنى بىردىنلا ئەسنەك تۇتتى.

ئەسنىمەك

  • ئەسنىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چوڭقۇر نەپەس ئېلىش بىلەن ئىختىيارسىز كېرىلىپ ئاغزىنى يوغان ئاچماق:[مىسال:] ئۇ سۇپىدا پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ، ئالىقىنى بىلەن ئېڭىكىنى تىرەپ ئەسنىدى.

ئەس-ھوش

  • ئەس-ھوش[يەشمىسى:] ① ئەس ۋە ھوش، ئەقىل ۋە زېھىن، ئەقىل ۋە سەزگۈ:[مىسال:] ئۇنىڭ ئەس-ھوشى جايىدا. بۇ ئىككىسى قورقۇپ كېتىپ ئەس-ھوشلىرىنى يوقاتتى.[يەشمىسى:] ② پىكىر-خىيال:[مىسال:] سىز قايتىپ كەتتىڭىز، شۇنىڭدىن بېرى مېنىڭ پۈتۈن ئەس-ھوشۇم سىزدىلا.

ئەسۋاب

  • ئەسۋاب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ھۈنەر، كەسىپ ۋە مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشتا ئىشلىتىدىغان قورال، سايمان، جابدۇق:[مىسال:] تۆمۈرچىلىك ئەسۋابلىرى. توقۇش ئەسۋابلىرى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىدىن بىرەر مەقسەت ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان بۇيۇم:[مىسال:] ئۆلچەش ئەسۋابى. ئالتۇن ئەسۋابلار.[يەشمىسى:] ③ مۇزىكا ئورۇنلاش ۋە سەنئەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇم، چالغۇ؛ ساز:[مىسال:] چالغۇ ئەسۋابلىرى. مۇزىكا ئەسۋابلىرى.

ئەسۋاب-جابدۇق

  • ئەسۋاب-جابدۇق[يەشمىسى:] ئەسۋاب ۋە جابدۇق، شۇ ئەسۋاب ۋە جابدۇق دائىرىسىدىكى نەرسىلەر:[مىسال:] ئۇلار ئۈچ ئاكا-ئۇكا ئەسۋاب-جابدۇقلىرىنى ئېلىپ، ئۈچ ئاي يول يۈرۈپتۇ.

ئەسۋابسىز

  • ئەسۋابسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەسۋاب ئىشلىتىلمەيدىغان، ئەسۋاب بىلەن ئېلىپ بېرىلمايدىغان؛ ئەسۋابى يوق:[مىسال:] ئەسۋابسىز گىمناستىكا.∥ ئەسۋابسىز كەلمەك.

ئەسۋابلىق

  • ئەسۋابلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەسۋابى بار، ئەسۋاب بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان:[مىسال:] ئەسۋابلىق گىمناستىكا.

ئەسۋاب-ئۈسكۈنە

  • ئەسۋاب-ئۈسكۈنە[يەشمىسى:] ئەسۋاب، ئۈسكۈنە ۋە شۇ ئەسۋاب-ئۈسكۈنە دائىرىسىدىكى نەرسىلەر؛ قورال-سايمانلار.

ئەسۋە

  • ئەسۋە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «ئىلغا»غا قاراڭ:[مىسال:] كىرپىكىمنى شۇ يار ئۈچۈن يىڭنە قىلىمەن، شۇ ئەسۋىنى توختاڭلار ئۆزۈم ئىلىمەن.

ئەسىرⅠ

  • ئەسىرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<يۈز يىل بىر دەۋر قىلىنغان ۋاقىت بىرلىكى:[مىسال:] ئەبۇناسىر فارابى Ⅹ ئەسىردە «ئۇد» مۇزىكىسىنى تىلغا ئالغان.[يەشمىسى:] ② دەۋر، زامان:[مىسال:] ئوتتۇرا ئەسىر.  بىلىمدىن ھەممە ئىش مەيدانغا چىققان ئەسىردۇر بۇ، بىلىش لازىم بىلىمسىزلەرگە بۇ ئەسىردە خېرىدار يوق.

ئەسىرⅡ

  • ئەسىرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۇرۇش ۋاقتىدا دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنغان كىشى، تۇتقۇن:[مىسال:] ئەسىرگە ئالماق. ئەسىرگە چۈشمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر كىشى، ئىش ياكى نەرسىگە بېرىلىپ كەتكەن، شەيدا بولغان كىشى؛ مەپتۇن، مەھلىيا، بەند، قۇل:[مىسال:] سازەندە ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ، ئالدىرىماستىن خەلق ناخشىلىرىدىن باشلىۋەتتى. مېھمانلار بىردىنلا جىم بولۇشۇپ دۇتارغا ئەسىر بولۇشتى.

ئەسىرⅢ

  • ئەسىرⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كۈن پېتىشتىن بىر سائەت ئىلگىرىكى ۋاقىت:[مىسال:] ئەسىر ۋاقتى.[يەشمىسى:] ② ئەسىر ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغان ناماز:[مىسال:] ئەسىر ئوقۇماق.

ئەسىرلەپ

  • ئەسىرلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئەسىر بويى، ئەسىرمۇ ئەسىر:[مىسال:] بۈيۈك تارىم، بۇ يۇرتۇمدا ئېقىنلار ئىچرە سەرۋەرسەن، ئۇلۇغ دولقۇن ئۇرۇپ ئاقتىڭ ئەسىرلەپ شۇنچە قەيسەر سەن.

ئەسىرلىكⅠ

  • ئەسىرلىكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر ئەسىر ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يۈز يىللىق:[مىسال:] ئۇزاق ئەسىرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا دائىر تارىخىي يېزىقلارنى چوقۇم تەتقىق قىلىش كېرەك.

ئەسىرلىكⅡ

  • ئەسىرلىكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەسىر بولۇپ ئۆتكەن تۇرمۇش، تۇتقۇنلۇق:[مىسال:] تۆكۈلسە ئەل قېنى، ئىسيانغا ئەرلەر جان پىدا بولغاي، ئەسىرلىك بۇ قىساس بۇرچى قىلىچ بىرلە ئادا بولغاي.

ئەس-ياد

  • ئەس-ياد[يەشمىسى:] ① ئەس ۋە ياد، ئەس-ھوش:[مىسال:] مەن يەرنى ئاران-ئاران دەسسەپ، ئەس-يادىمنى يوقاتقان ھالدا، ئويمان-دۆڭ، لاي-لاتقىلارنى كېچىپ، چەكسىز خىيال دېڭىزىغا غەرق بولۇپ كېتىۋاتىمەن.[يەشمىسى:] ② پۈتۈن ئوي، بارلىق خىيال:[مىسال:] چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ پۈتۈن ئەس-يادى سىڭلىسى مەختۇمسۇلادا ئىكەن.

ئەش

  • ئەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن چۈشىدىغان ھەمراھى.

ئەشئار

  • ئەشئار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] شېئىر؛ شېئىرلار:[مىسال:]

  • ھەر كېچە-كۈندۈز يارنى كۈتىمەن،

  • يارغا مۇناسىپ ئەشئار پۈتىمەن.

ئەشەددىي

  • ئەشەددىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۇچىغا چىققان، ئۆتۈپ كەتكەن، ئەڭ يامان، ئەڭ قەبىھ، ئەڭ ياۋۇز (پەقەت سەلبىي مەنىدە قوللىنىلىدۇ):[مىسال:] بىلىمسىزلىك يېڭىلىقنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى.

ئەشەددىيلەشتۈرمەك

  • ئەشەددىيلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەشەددىيلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئەشەددىيلەشتۈرۈلمەك

  • ئەشەددىيلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئەشەددىيلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەشەددىيلەشمەك

  • ئەشەددىيلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەشەددىي ھالەتكە كەلمەك، ئەشەددىي بولماق:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئەشەددىيلىشىپ نىقابىنى يىرتىۋېتىپ سەكرەپ چىقىشىغا ئاز قالدى.

ئەشەددىيلىك

  • ئەشەددىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەبىھلىك، ياۋۇزلۇق:[مىسال:] ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تازىمۇ ئەشەددىيلىك ھېسابلىنىدۇ.

ئەشتۈرمەك

  • ئەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ساڭزا ئەشتۈرمەك. يىپ ئەشتۈرمەك.

ئەششاپتۇل

  • ئەششاپتۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەش+شاپتۇل[[يەشمىسى:] ئۇرۇقچىسى بىلەن گۆش قىسمى چىڭ يېپىشقان، پوستى سويۇلمايدىغان، دانىسى چوڭراق بولىدىغان بىرخىل شاپتۇل.

ئەشمە

  • ئەشمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېشىپ ياسالغان، ئېشىپ تورلانغان، ئېشىلگەن:[مىسال:] ئەشمە چاچ. ئەشمە يىپ. ئەشمە قۇيماق.

ئەشمەك

  • ئەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئايلاندۇرۇپ، بۇراپ، پىششىق قىلماق، پىشىلدۇرماق، ئېگىرمەك:[مىسال:] يىپ ئەشمەك.

ئەشمىقۇم

  • ئەشمىقۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەشمە+قۇم[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] قۇمنىڭ بىر خىلى. ئادەتتىكى قۇم بىلەن سېغىز ئارىلىقىدا بولىدۇ، مىنېرال تەركىبى ئادەتتىكى قۇم بىلەن ئوخشاش. ئۇ ھازىرقى زاماندىكى چۆكۈندىلەر تەركىبىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

ئەشيا

  • ئەشيا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بۇيۇم، نەرسە؛ ماتېرىيال:[مىسال:] خام ئەشيا. ماددىي ئەشيا.

ئەقەللىي

  • ئەقەللىي[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەڭ ئاددىي، ھەممە بىلىدىغان:[مىسال:] ئەقەللىي چۈشەنچە. ئەقەللىي بىلىم. ئەقەللىي ساۋات.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھەتتا، ھېچبولمىغاندا:[مىسال:] راستىنى ئېيت. شۇ بويۇڭ بىلەن مۇشۇ كىچىككىنە كۈپكە قانداق سىغدىڭ بۇنىڭغا سېنىڭ بىر پۇتۇڭ ئەمەس، ئەقەللىي بىر قولۇڭمۇ سىغمايدۇ.

ئەقەللىيسى

  • ئەقەللىيسى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئەڭ ئاددىيسى، ھېچبولمىغاندا:[مىسال:] شۇنداق بولسىمۇ كىچىكئاخۇننىڭ سۆزىدە ياكى ھەرىكىتىدە، ئەقەللىيسى چىراي ھالىتىدە بولسىمۇ، زەررىچە نارازىلىق، قارشىلىق ئىپادىسىنى تاپقىلى بولمايتتى.

ئەقدە

  • ئەقدە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] توي ياكى نىكاھ قىلىشقا پۈتۈشۈش:[مىسال:] ئەقدە قىلماق.

ئەقرەب

  • ئەقرەب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] 12 بۇرجنىڭ بىرىنىڭ نامى بولۇپ، «چايان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

ئەقرىبا

  • ئەقرىبا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] يېقىن يار-بۇرادەر، قېرىنداش:[مىسال:]

  • باغ-ئېتىزلاردا ئېچىلغان گۈل-گىياھلارنى كۆرۈڭ،

  • مېھنىتىدىن باغ ياراتقان ئەقرىبالارنى كۆرۈڭ.

ئەقلىي

  • ئەقلىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەقىل ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان، پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئائىت:[مىسال:] ئەقلىي قابىلىيەت. ئەقلىي ئەمگەك.

ئەقلىيە

  • ئەقلىيە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەمەلىيەت داۋامىدا ئەقىل ئىشلىتىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق خۇلاسىلانغان:[مىسال:] ئەقلىيە سۆز.

ئەقلىيلىك

  • ئەقلىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەقىل ئىشلىتىشنى بىلىش خۇسۇسىيىتى، ئالاھىدىلىك:[مىسال:] ھېسسىيلىق بىلەن ئەقلىيلىك سۈپەت جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ.

ئەقىدە

  • ئەقىدە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① چىن كۆڭۈلدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن پىكىر، ئىشەنچ:[مىسال:] رەيھان سادىقنىڭ ئۆز ئەقىدىسى يولىدا جان پىدا قىلىشتىن يانمايدىغان قەتئىي، تەلەپچان، يۈكسەك غايىلىك ئەر ئىكەنلىكىدىن كۆڭلى ئەمىن ئىدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسە توغرىسىدا شەكىللەنگەن ھۆرمەتلەش ۋە ياخشى كۆرۈش ئادىتى، ئېتىقاد:[مىسال:] ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن. ئەقىدەمگە يىغلايمەن.[يەشمىسى:] ③ ئىشەنچ ۋە ئېتىقادقا ئاساسەن شەك يوق دەپ قارالغان قائىدە ۋە ھۆكۈملەر:[مىسال:] رەيھان ئورنىدىن تۇرۇپ، خۇددى دىنىي ئەقىدىنى يادلاۋاتقاندەك، سالماقلىق بىلەن جاۋاب بەردى.

ئەقىدىچىلىك

  • ئەقىدىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەقىدىلەرگە ئېسىلىۋالىدىغان ھەرىكەت ۋە خاراكتېر.

ئەقىدىلىك

  • ئەقىدىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشەنچ، ئەقىدىسى بار:[مىسال:] كازىم ئۆز كەسپىنىڭ چىن ئەقىدىلىك پىداكارى ئىدى.

ئەقىل

  • ئەقىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىنساننىڭ بىلىش، پىكىر قىلىش قابىلىيىتى:[مىسال:] ئەقىل ئىگىسى.

  • * تۆگىدەك بويۇڭ بولغۇچە،

  • 90تۈگمىدەك ئەقلىڭ بولسۇن (ماقال).[يەشمىسى:] ② پىكىر يۈرگۈزۈش، چۈشىنىش؛ پەم، ئىدراك:[مىسال:] دېمەك بىز ئەقىل ئىشلەتسەكلا، ئۆز ئانىلىرىمىزنى خۇشال قىلالايدىكەنمىز.[يەشمىسى:] ③ ئەس-ھوش، مېڭە:[مىسال:] ئەقلىڭ جايىدىمۇ[يەشمىسى:] ④ مەسلىھەت، پايدىلىق چارە-تەدبىر:[مىسال:] مۇھەممەت ئاكىسىغا بىر ئەقىل كۆرسەتتى.

ئەقىل تاپماق

  • ئەقىل تاپماق[يەشمىسى:] يېڭى تەسىرات، يېڭى ساۋاق ۋە چارە-تەدبىرگە ئىگە بولماق، يېڭى بىر بىلىمگە ئېرىشمەك:[مىسال:]

  • كىتاب-دەپتەر، قەلەمنى، چۈشۈرمەيمەن قولۇمدىن.

  • كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىپ ئەقىل تاپتىم ئۇنىڭدىن.

ئەقىل-پاراسەت

  • ئەقىل-پاراسەت[يەشمىسى:] ئەقىل ۋە پاراسەت:[مىسال:] ھاكىمنىڭ باياتىنقى گېپى كۆڭلۈمگە ياغدەك يېقىپ ئىچىمدە ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە قايىل بولدۇم.

ئەقىل-پاراسەتلىك

  • ئەقىل-پاراسەتلىك[يەشمىسى:] ئەقىل-پاراسىتى بار، ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولغان:[مىسال:] بۇ پادىشاھ ئۆزىنى دۇنيادا مېنىڭدەك ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە سۆزمەن ئادەم يوق، دەپ ئويلايدىكەن.

ئەقىلدار

  • ئەقىلدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئەقىللىق، دانىشمەن ئادەم:[مىسال:]

  • نادانلار ئۆزىچە بولۇپ «ئەقىلدار»، «

  • كونىلىق» ئۈستىدىن كۆتۈردى «ئىسيان».

  • پېېشقەدەم كادىرلار «جاھىل ھوقۇقدار»،

  • مۇئەللىم-ئۇستازلار بولدى «جىن-شەيتان».

ئەقىلسىز

  • ئەقىلسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەقلى يوق، بىئەقىل، ئەخمەق:[مىسال:] ئەقىلسىز دوستتىن، ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى (ماقال). ∥بۇ ئەقىلسىز دائىم ئۆزىگە ئىش تېپىپ يۈرىدۇ.

ئەقىلسىزلىق

  • ئەقىلسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئەقىلگە خىلاپ، ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قىلىق، مىجەز:[مىسال:] ئەقىلسىزلىق قىلماق.  ئۇلار ئەقىلسىزلىقىدىن بېشى چۈشكەن ھالدا ئوردىغا كېتىشىپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئويلانماستىن قىلىنغان ئەخمىقانە ئىش:[مىسال:] ۋاي، ياق، بۇ تازىمۇ ئەقىلسىزلىق!

ئەقىللەشمەك

  • ئەقىللەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پىكىر ئېلىشماق، مەسلىھەتلەشمەك، باش قوشماق، كېڭەشمەك:[مىسال:] مېنىڭ پىلانىم پەقەت ئەقىللىشىش بىلەنلا ئەمەس، ھەرىكەت بىلەنمۇ ياردەم قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئەقىللىق

  • ئەقىللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئەقلى بار، كاللىسى ئىشلەيدىغان، ئۆتكۈر، ھوشيار، زېرەك:[مىسال:] ئەقىللىق ئۆزىنى ئەيىبلەر، نادان دوستىنى.ئەيىبلەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئەقىل بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن، بىلىملىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان:[مىسال:] مانا بۇ ئەقىللىق گەپ، تازا توغرا ئېيتتىڭ.

ئەقىللىقلىق

  • ئەقىللىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەقىل بىلەن ئىش كۆرۈش تەدبىرى؛ ھوشيارلىق، زېرەكلىك:[مىسال:] ئۇ بۇ قېتىمقى جېدەلدە ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ بىر ئەقىللىقلىق قىلدى.

ئەقىل-ھوش

  • ئەقىل-ھوش[يەشمىسى:] ئەقىل ۋە ھوش، پەم-پاراسەت:[مىسال:] نېمە دېسەم بولار، قېرىغاندا ئادەمنىڭ ئەقىل-ھوشى جايىدا بولمايدىكەن.

ئەقىل-ھوشلۇق

  • ئەقىل-ھوشلۇق[يەشمىسى:] ئەقىل-ھوشى بار، ئەقىل-ھوشقا ئىگە؛ ئەقىل-پاراسەتلىك.

ئەقىل-ئىدراك

  • ئەقىل-ئىدراك[يەشمىسى:] ئەقىل ۋە ئىدراك.

ئەقىل-ئىدراكلىق

  • ئەقىل-ئىدراكلىق[يەشمىسى:] ئەقىل-ئىدراكى بار، ئەقىل-ئىدراكقا ئىگە بولغان:[مىسال:] ئۇ ئەقىل-ئىدراكلىق ئادەم.

ئەكابىر

  • ئەكابىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] چوڭ، ئۇلۇغ، ئەڭ چوڭ؛ ئۇلۇغلار، كاتتىلار، چوڭ ئەمەلدارلار.

ئەكابىر-ئەشرەپ

  • ئەكابىر-ئەشرەپ [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ مۆتىۋەر زاتلار:[مىسال:] كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھقا سەپەر ھەۋىسى كېلىپ، ئەكابىر-ئەشرەپلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، داغدۇغا بىلەن يولغا چىقىپتۇ.

ئەكەتكۈزمەك

  • ئەكەتكۈزمەك[يەشمىسى:] «ئەكەتمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سىز دەرھال بۇلارنىڭ ئەسكى-تۈسكىلىرىنى ئەكەتكۈزۈۋېتىڭ.

ئەكەتمەك

  • ئەكەتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[قۇرۇلمىسى:]]ئېلىپ+كەتمەك[[يەشمىسى:] ئېلىپ كەتمەك، ئالغاچ كەتمەك:[مىسال:] نەچچە يىلدىن بېرى بالامنىڭ بالىسى دەپ كۆيۈپ-پىشىپ باقسام، چوڭ بولغاندا ئەكەتكىنىنى قارا

ئەكەلدۈرمەك

  • ئەكەلدۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەكەلمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يىگىت ئانىسىنى ۋە ئۇنىڭ تېگىۋالغان ئېرىنىمۇ قوشۇپ ئوردىغا ئەكەلدۈرۈپتۇ.

ئەكەلدۈرۈلمەك

  • ئەكەلدۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئەكەلدۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ چەتتىكى تۇغقانلىرى ئارقىلىق ئەكەلدۈرۈلگەن ئالتۇن بىلەزۈكنى كېلىنىگە سېلىپ قويدى.

ئەكەلمەك

  • ئەكەلمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[قۇرۇلمىسى:]]ئېلىپ+كەلمەك[[يەشمىسى:] باشلاپ، كۆتۈرۈپ، ئېلىپ كەلمەك:[مىسال:] شۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئايالىم ئۇنى بالىلىرى بىلەن قوشۇپ ئىككى قېتىم ئۆيگە چاقىرىپمۇ ئەكەلدى.

ئەكتۈرمەك

  • ئەكتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەكمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئەكتۈرۈلمەك

  • ئەكتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئەكتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەكچە

  • ئەكچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئايرىم، ئوڭچە:[مىسال:] شۇ ئاخشىمى چاۋارغا زايىت بەگنىڭ ئۆيى ئەكچە قالدى.

ئەكچىتمەك

  • ئەكچىتمەك[يەشمىسى:] «ئەكچىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئەكچىتىلمەك

  • ئەكچىتىلمەك[يەشمىسى:] «ئەكچىتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەكچىمەك

  • ئەكچىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئارتۇق نەملىكى كۆتۈرۈلۈپ نەمخۇش ھالەتكە كەلمەك، سۈيى قاچماق، چالا قۇرۇماق:[مىسال:] باھار ئاپتىپىنىڭ تەپتىدىن توڭلار ئېرىپ، يەرلەر خېلى ئەكچىپ قالدى.

ئەكس

  • ئەكس[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ سىلىق، يالتىراق يۈزىدە كۆرۈنگەن باشقا بىر نەرسىنىڭ تەسۋىرى، شەكلى:[مىسال:] ئەكس ئەتمەك.  قىز ئاستا-ئاستا مېڭىپ دەريانىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ-دە، ئېڭىشىپ تۇرۇپ، ئۆمرىدە تۈنجى قېتىم ئۆزىنىڭ چىرايىنىڭ سۇدىكى ئەكسىنى كۆرۈپتۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زىت، تەتۈر، قارىمۇقارشى:[مىسال:] ئەكس تەسىر. * زىدىيەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇئەييەن شارائىتقا ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەكس تەرىپىگە ئايلىنىپ تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قايتىلانغان، قايتا ئايان بولغان:[مىسال:] ئەكس سادا.

ئەكسىچە

  • ئەكسىچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [يەشمىسى:] ① كۈتۈلگەن ۋە ئارزۇ قىلىنغانغا پۈتۈنلەي قارشى ھالدا، تەتۈرىچە:[مىسال:] مەن چوڭ يىغىننى كېچىكتۈرۈپ ئاچىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن ئۇ پەرىزىمنىڭ ئەكسىچە، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئېچىلدى.[يەشمىسى:] ② خاتا ھالدا:[مىسال:] بىز ئۇلارنىڭ تېپىشلىرىگە ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپراق تېپىش بىلەن جاۋاب قايتۇرماي، ئەكسىچە بۇ بىچارىلەرگە رەھىم قىلىشىمىز لازىم ئىكەن.[يەشمىسى:] ③ قارىمۇقارشى باغلىغۇچى رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] ئارسلان نانغا قاراپمۇ قويمىدى، ئەكسىچە ئارقىغا سۈرۈلۈپ پارتىنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىشقا ھەرىكەت قىلدى.

ئەكسىلھەرىكەت

  • ئەكسىلھەرىكەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىنقىلابقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەت.

ئەكسىلھەرىكەتچى

  • ئەكسىلھەرىكەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەكسىلھەرىكەت تەرەپدارى، ئەكسىلھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى.

ئەكسىلھەرىكەتچىلىك

  • ئەكسىلھەرىكەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەكسىلھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتى.

ئەكسىلئىنقىلاب

  • ئەكسىلئىنقىلاب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىنقىلابقا، ئىنقىلابىي ھاكىمىيەتكە قارشى، ئەكسىيەتچىل ھەرىكەت.

ئەكسىلئىنقىلابچى

  • ئەكسىلئىنقىلابچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەكسىلئىنقىلاب تەرەپدارى ياكى قاتناشچىسى.

ئەكسىلئىنقىلابچىلىق

  • ئەكسىلئىنقىلابچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەكسىلئىنقىلاب بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتى.

ئەكسىلئىنقىلابىي

  • ئەكسىلئىنقىلابىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنقىلابقا قارشى تۇرىدىغان، ئىنقىلابقا دۈشمەنلىك قىلىدىغان:[مىسال:] قاماقتىكى جىنايەتچىلەر ئارىسىدا ئەكسىلئىنقىلابىي جىنايەتچىلەر ئازايدى.

ئەكسىنچە

  • ئەكسىنچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «ئەكسىچە»گە قاراڭ:[مىسال:] ئۇ سېنىڭ يامان گېپىڭنى قىلمايدۇ، ئەكسىنچە دائىم دېگۈدەك سېنى ماختاپلا يۈرىدۇ.

ئەكسىيەتچى

  • ئەكسىيەتچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىلگىرىلەشكە، ئىنقىلاب ئىشلىرىغا قارشى، ئاغدۇرۇلغان تۈزۈم تەرتىپلىرىنى ساقلاپ قېلىش، تىكلەش تەرەپدارى ياكى ئۇنىڭ قاتناشقۇچىسى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنقىلاب تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان سىنىپلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان، ئاغدۇرۇلغان سىنىپلارنىڭ ئىدىيىسىگە مەنسۇپ بولغان:[مىسال:] ئەكسىيەتچى كۈچلەر.

ئەكسىيەتچىل

  • ئەكسىيەتچىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەكسىيەتچىگە خاس، ئەكسىيەتچىگە مايىل:[مىسال:] كونا جەمئىيەتنىڭ ۋە ئەكسىيەتچىل ئەدەپ-قائىدىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش جەھەتتە ئۇ بىزگە ئوخشاپ كېتىدۇ، بىراق باشقا جەھەتلەردە زادىلا ئوخشىمايدۇ.

ئەكسىيەتچىلەشمەك

  • ئەكسىيەتچىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەكسىيەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانماق، ئەكسىيەتچى بولماق.

ئەكسىيەتچىلىك

  • ئەكسىيەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەكسىيەتچىلەرگە خاس ھەرىكەت ۋە پائالىيەت.

ئەكمەك

  • ئەكمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۇرۇقنى يەرگە چاچماق؛ تېرىماق.

ئەكىتىشمەك

  • ئەكىتىشمەك[يەشمىسى:] «ئەكەتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ياسىن يۈگۈرۈپ ئېتىزغا كېلىپ بولغۇچە بۇ بالىلار ئېتىزدا باققان ماللىرىنى ئاللىقاچان ئەكىتىشكەنىدى.

ئەكىتىلمەك

  • ئەكىتىلمەك[يەشمىسى:] «ئەكەتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] دادام قالدۇرۇپ كەتكەن ھېلىقى نەرسىنىڭ كىم تەرىپىدىن قاچان ئەكىتىلگەنلىكى بىزگە نامەلۇم.

ئەكىرمەك

  • ئەكىرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[قۇرۇلمىسى:]]ئېلىپ+كىرمەك[[يەشمىسى:] باشلاپ، كۆتۈرۈپ، ئېلىپ كىرمەك:[مىسال:] بىر چاغدا خوتۇن چىقىپ قازاندا قالغان گۆشلەرنى تاۋاققا ئېلىپ، بايۋەچچىنىڭ ئالدىغا ئەكىرىپتۇ.

ئەكىرىشمەك

  • ئەكىرىشمەك[يەشمىسى:] «ئەكىرمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ ئۆي كۆچۈشىگە ھەمكارلىشىپ نەرسە-كېرەكلىرىنى ئۆيىگىچە ئەكىرىشتى.

ئەكىرگۈزمەك

  • ئەكىرگۈزمەك[يەشمىسى:] «ئەكىرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بۇ يىل چەتتىن نۇرغۇن ماللار ئەكىرگۈزدى.

ئەكىرىلمەك

  • ئەكىرىلمەك[يەشمىسى:] «ئەكىرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] پارۇق ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ كۇرسقا ئەكىرىلدى.

ئەكىلىشمەك

  • ئەكىلىشمەك[يەشمىسى:] «ئەكەلمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەكىلىنمەك

  • ئەكىلىنمەك[يەشمىسى:] «ئەكەلمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۈگۈن كىتابخانىدىن نۇرغۇن لۇغەتلەر ئەكىلىندى.

ئەگەر

  • ئەگەر[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] شەرت بېقىندى جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىپ «-سا، -سە» ۋە باشقا شەرت قوشۇمچىلىرى بىلدۈرگەن مەنىنى كۈچەيتىپ كېلىدۇ:[مىسال:] ئەگەر سەن كەلمىگەن بولساڭ، بۇ چاتاق ئۈزۈلمەيتتى.

ئەگەرچەندە

  • ئەگەرچەندە[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] «ئەگەر»گە قاراڭ:[مىسال:] ئەگەرچەندە بۇنىڭغا يەنە نارازى بولىدىكەنسەن، بارىدىغان يېرىڭنى ئۆزۈڭ ئويلاپ كۆر!

ئەگەردە

  • ئەگەردە[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] «ئەگەر»گە قاراڭ:[مىسال:] -ئەگەردە بەدەندە ۋىتامىن A كەم بولسا بەدەننىڭ ئۆسۈشى ئاستىلاپ كېتىدۇ.

ئەگەشتۈرمەك

  • ئەگەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەگەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سادىق ئەمدى ئۆز ھەمراھلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، سۇ چىقىرىش ئېغىزى تەرەپتىكى دامبا ئۈستىگە يۈگۈردى.

ئەگەشتۈرۈشمەك

  • ئەگەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ئەگەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەگەشتۈرۈلمەك

  • ئەگەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئەگەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ چاغدا ھويلىغا ئەگەشتۈرۈلۈپ كىرگەن ئەسئەت قىزاردى ۋە ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ھودۇقتى.

ئەگەشمە

  • ئەگەشمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەگەشكۈچى، ئەگىشىپ كېلىدىغان:[مىسال:] ئەگەشمە بۆلەك.

ئەگەشمەك

  • ئەگەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئارقىسىدىن ماڭماق، كەينىدىن بارماق:[مىسال:] ئەڭ ئاخىرىدا تەكلىپ قىلغان شۇ چوكانغا ئەگەشتىم-دە، يۈرۈپ كەتتىم.[يەشمىسى:] ② بىرەر كىشىنى دوراپ، تەقلىدىي ئىش-ھەرىكەت قىلماق؛ بىرەر كىشىنىڭ گېپىگە كىرمەك:[مىسال:] مەن ئون يىل ساڭا ئەگەشتىم.[يەشمىسى:] ③ رەۋىشداش شەكلىدە «... گە ئۇلىشىپ» مەنىسىدىكى تىركەلمە رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] دۇنيانىڭ ئاۋاتچىلىقىغا ئەگىشىپ، قەشقەرمۇ ئاۋاتلىشىپ كېتىۋېتىپتۇ.

ئەگدۈرمەك

  • ئەگدۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەگمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئاكتىپلار قاۋانلىقنى باش ئەگدۈرمەكچى ئىدى.

ئەگرى

  • ئەگرى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قىڭغىر، ئېگىلگەن:[مىسال:] بوۋاي ئەنە شۇ ئەگرى دەرۋازىدىن چىقىپ، رەستىلەرنى ئايلىنىپ، دوپپا بازىرىغا باردى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناتوغرا؛ ساپ بولمىغان، ناپاك:[مىسال:] ئەگرى سۆز. ئەگرى قول. ئەگرى غەرەز.

ئەگرى-بۈگرى

  • ئەگرى-بۈگرى[يەشمىسى:] «ئەگرى-توقاي»غا قاراڭ:[مىسال:] ئاپتوموبىل ئەگرى-بۈگرى تاغ يولىدا توختىماي ئىلگىرىلەيتتى.

ئەگرى-توقاي

  • ئەگرى-توقاي[يەشمىسى:] قىڭغىر-قىيسىق، ئوڭغۇل-دوڭغۇل، تۈز ئەمەس، يىلان باغرى:[مىسال:] ئەگرى-توقاي يول.

ئەگرى-توقايلىق

  • ئەگرى-توقايلىق[يەشمىسى:] ① ئەگرى-توقاي ھالەت:[مىسال:] يولنىڭ ئەگرى-توقايلىقى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جاپا-مۇشەققەت، توسالغۇ:[مىسال:] كىشىلەر ھاياتىدا ھەر خىل ئەگرى-توقايلىقلارغا يولۇقىدۇ.

ئەگرى-دوناي

  • ئەگرى-دوناي[يەشمىسى:] «ئەگرى-توقاي»غا قاراڭ:[مىسال:] ئەگرى-دوناي ئېرىق.

ئەگرىسۇناي

  • ئەگرىسۇناي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەگرى+سۇناي[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چوقا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى سېرىق، تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ. ئۇ قاننى تولۇقلاش، يۈرەكنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە.

ئەگرىلىك

  • ئەگرىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەگرى ھالەت، ئەگرى شەكىل:[مىسال:] سىلى ئايال تۇرۇقلۇق توغرا بىلەن ئەگرىلىكنى بىلگەن يەردە، مەن ئەلۋەتتە بىلىمەن-دە.

ئەگزىك

  • ئەگزىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېلىق تۇتىدىغان تورنىڭ ئىككى يان تەرىپى.

ئەگمە

  • ئەگمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېگىلگەن، ئېگىپ ياسالغان؛ ياي شەكىللىك:[مىسال:] ئەگمە كۆۋرۈك. ئەگمە ئىشىك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېگىلگەن جاي:[مىسال:] دېرىزىنىڭ ئەگمىسى.

ئەگمەچ

  • ئەگمەچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «ئەگمە»گە قاراڭ:[مىسال:] ئۇنىڭ ھۆسنىگە ماس كەلمەيدىغىنى ئوڭ قېشىنىڭ ئەگمەچ، سول قېشىنىڭ تۈزلۈكى ئىدى.

ئەگمەك

  • ئەگمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئېگىلگەن ھالەتكە كەلتۈرمەك، ئەگرى قىلماق:[مىسال:] قولنى ئەگمەك. شاخنى ئەگمەك.[يەشمىسى:] ② پۈكمەك، مۈكچەيمەك:[مىسال:] نۇر بوۋاي ئۆتمۈشتە دەرد-ئەلەم چەككەن، زۇلۇمنىڭ تاغلىرى قەددىنى ئەگكەن.

ئەگۈن

  • ئەگۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈستى ئەگمىلىك ۋادەك شەكلىدە ياسالغان ياغاچ دەرۋازا.

ئەگىتمە

  • ئەگىتمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئەگرى قىلىنغان، ئەگىتىلگەن:[مىسال:] ئەگىتمە يول.[يەشمىسى:] ② مەقسەت ئۇدۇل ئېيتىلماي، باشقىچىراق ئېيتىلغان:[مىسال:] ئەگىتمە گەپ.

ئەگىتمەك

  • ئەگىتمەك[يەشمىسى:] «ئەگىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئاشۇ تاشلاردىن سالنى ئەگىتىپ بىخەتەر ئۆتۈپ كېتىش ئاسان ئىش ئەمەس.

ئەگىز

  • ئەگىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەتىياز ۋاقتىدىكى ئېرىگەن قار-مۇز:[مىسال:] ئەگىز سۈيى.

ئەگىزئوت

  • ئەگىزئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەگىز+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چىنىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، كىچىك، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇ دالىدا ئۆسىدىغان ئوت-چۆپ بولۇپ، دورا ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

ئەگىشمەك

  • ئەگىشمەك[يەشمىسى:] «ئەگىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەگىلمە

  • ئەگىلمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەگىلگەن، قايرىلغان جاي:[مىسال:] ئۆستەڭنىڭ ئەگىلمىسى.

ئەگىلمەك

  • ئەگىلمەك[يەشمىسى:] «ئەگىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەگىم

  • ئەگىم [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەگىلگەن، قايرىلغان:[مىسال:]

  • ئەگىم-ئەگىم يوللاردىن ئىز كېلىدۇ يار سەنەم،

  • قىزىل توننى پۈركىنىپ قىز كېلىدۇ يار سەنەم [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەگىلگەن، قايرىلغان جاي:[يەشمىسى:] ياغاچ كۆۋرۈكنىڭ يۇقىرىسىدىكى ئەگىم يېنىدا بۇلدۇقلاپ ئېتىلىپ تۇرغان يەنە بىر چوڭ بۇلاق بار ئىدى.

ئەگىم-ئەگىم

  • ئەگىم-ئەگىم[يەشمىسى:] نۇرغۇن ئەگىم:[مىسال:] ئەگىم-ئەگىم يوللار.

ئەگىمەك

  • ئەگىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇدۇل ماڭماستىن يان تەرەپ بىلەن ئايلىنىپ ماڭماق:[مىسال:] تۇرسۇن يولدىن ئەگىپ ئۇدۇل ئۆيگە ماڭدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئورۇن، بىرەر نەرسە، بىرەر كىشىنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ يۈرمەك:[مىسال:] ئېگىز-ئېگىز تاغ باشىدا قۇرغۇي ئەگىيدۇ. قۇرغۇي ئەمەس تاغ باشىدا يارىم ئەگىيدۇ.[يەشمىسى:] ③ پەيدا بولماق، كۆرۈنمەك:[مىسال:] زەيتۇنەمنىڭ كۆڭلى چېچىلىپ كۆزىدە ياش تامچىلىرى ئەگىدى.

ئەڭ

  • ئەڭ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ناھايىتى، بەك:[مىسال:] ئەڭ ياخشى. ئەڭ تاتلىق.

ئەڭگۈشتەر

  • ئەڭگۈشتەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئالتۇن، ياقۇت قاتارلىق قىممەت باھالىق مېتال ۋە تاشلاردىن ياسالغان ئۈزۈك. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خاسىيەتلىك، نۇرغۇن نەرسىنى قىلىشتا قۇدرەتلىك نەرسە، يول، نىشاننى كۆرسەتكۈچى:[مىسال:] بوۋاي كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىكىپ: − يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى بىزنىڭ ئەڭگۈشتىرىمىز، − دېدى.

ئەڭگىز

  • ئەڭگىز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سوغۇق مىجەز، سوغۇقلۇق:[مىسال:] بۇ بالىنىڭ ئەڭگىزى ئېشىپ قالغان ئوخشايدۇ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تېرىككەك؛ يىغلاڭغۇ:[مىسال:] بۇ بالا بەك ئەڭگىز بالا بوپتۇ.

ئەڭگىزلىك

  • ئەڭگىزلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سوغۇق مىجەزلىك:[مىسال:] بۇ بالا سەل ئەڭگىزلىك بالا بولۇپ قالدى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تېرىككەكلىك؛ يىغلاڭغۇلۇق:[مىسال:] ئەڭگىزلىك قىلماق.

ئەڭلىك

  • ئەڭلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياللارنىڭ مەڭزىگە، كالپۇكىغا سۈرتىدىغان قىزىل سۈرمە.

ئەڭلىكئوت

  • ئەڭلىكئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەڭلىك+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئەڭلىكئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرماقلىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ ۋە ساپاقسىز كېلىدۇ، مېۋىسى قاتتىق، شەكلى تۇخۇمسىمان ۋە سۇس قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ؛ يىلتىزى تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ.

ئەل

  • ئەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① بىرەر جاينىڭ ئادەملىرى، ئاھالىسى، خەلقى:[مىسال:] ئەلنىڭ قۇلىقى ئەللىك (ماقال). [يەشمىسى:] ② يۇرت، دىيار، مەملىكەت:[مىسال:] چەت ئەل. [يەشمىسى:] ③ بىرەر قەبىلىگە مەنسۇپ ئادەملەر؛ قەبىلە.

ئەلا

  • ئەلا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سۈپىتى، پەزىلىتى جەھەتتىن ئەڭ ياخشى، ئەڭ يۇقىرى؛ ئېسىل:[مىسال:] ئەلا سۈپەت. ئەلا سورت. *يۈز ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا (ماقال).[يەشمىسى:] ② مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي نەتىجىسىنى كۆرسىتىدىغان ئەڭ يۇقىرى باھا:[مىسال:] ئەلا نەتىجە. ئەلا ئوقۇغۇچى. [يەشمىسى:] ③ ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىسمى.

ئەلاچى

  • ئەلاچى [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاساسىي پەنلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەن، ئەلا ئوقۇغان:[مىسال:] ئەلاچى ئوقۇغۇچى.

ئەلاچىلىق

  • ئەلاچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەلا نەتىجىگە ئېرىشىش، ئەلا بولۇش ئالاھىدىلىكى:[مىسال:] دىلدار ئەلاچىلىقنى قولدىن بەرمىدى.

ئەل-ئاغىنە

  • ئەل-ئاغىنە[يەشمىسى:] دوست-بۇرادەر، دوست-يارەن:[مىسال:] مەھەللىدىكى ئەل-ئاغىنىلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا ئالدىرىدىم.

ئەل-ئاغىنىچىلىك

  • ئەل-ئاغىنىچىلىك[يەشمىسى:] «ئەل-ئاغىنىدارچىلىق»قا قاراڭ.

ئەل-ئاغىنىدارچىلىق

  • ئەل-ئاغىنىدارچىلىق[يەشمىسى:] ئەل-ئاغىنىلىك، دوست-بۇرادەرلىك، يار-بۇرادەرلىك مۇناسىۋەت:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق يىللاردىن بېرى ئەل-ئاغىنىدارچىلىق قىلىپ كېلىۋاتىمەن.

ئەل-ئاغىنىلىك

  • ئەل-ئاغىنىلىك[يەشمىسى:] «ئەل-ئاغىنىدارچىلىق»قا قاراڭ.

ئەلەس

  • ئەلەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆزى بىر يانغا قىيپاش قارايدىغان، ئالىغاي:[مىسال:] بۇ ئادەمنىڭ ئەلەس كۆزلىرىدىن يا ئىچكەنلىكى، يا چەككەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

ئەلەسلەشمەك

  • ئەلەسلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆزى سەل يۇمۇلۇپ، خىرە كۆرىدىغان ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] كۆزلىرى مەستلىكتە ئەلەسلەشكەن ياشقىنا ئىككى يېزا يىگىتى ئەتراپتىكى كىشىلەرگە گۆشىيىپ قارىشىپ تۇراتتى.

ئەلەڭ

  • ئەلەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ئىككى تەرەپكە كۈچسىز چايقىلىش، ئېغىناش.

ئەلەڭ-ئەلەڭ

  • ئەلەڭ-ئەلەڭ[يەشمىسى:] «ئەلەڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

ئەلەڭ-سەلەڭ

  • ئەلەڭ-سەلەڭ[يەشمىسى:] ئۇيان-بۇيانغا كۈچسىز چايقالغان، ماغدۇرسىز، ھالسىز:[مىسال:] ئۇ بىرنەچچە يىل بالا دەردىدىن ئەلەڭ-سەلەڭ يۈردى.

ئەلەڭگۈ

  • ئەلەڭگۈ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئېزىتقۇ، ئالۋۇن. [يەشمىسى:] ② بېشارەت، بەلگە:[مىسال:] ئۇنىڭ ئاۋۇ كۈنكى شادلىق ئۇچقۇنلىرى نۇرلىنىپ تۇرغان قارا كۆزلىرىدە ئەلەم ۋە ئۈمىدسىزلىك ئەلەڭگۈسى كۆرۈنەتتى.

ئەلەڭگۈ-بەلەڭگۈ

  • ئەلەڭگۈ-بەلەڭگۈ[يەشمىسى:] ئۇ-بۇ، ئۇنداق-مۇنداق... قاتارلىقلار:[مىسال:] ماۋۇ بالا بىزنى باشقۇرمىغان بىلەن ئاتلارنىڭ قارنى، ھارۋىنىڭ جابدۇقى، ئەلەڭگۈ بەلەڭگۈلىرىنى شۇ باشقۇرىدۇ ئەمەسمۇ، ھېزىم تېرىق قىزىشىپ سۆزلەپلا كەتتى.

ئەلەڭگۈلۈك

  • ئەلەڭگۈلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەلەڭگۈ ھالەت، ئەلەڭگۈ كەيپىيات:[مىسال:] قاسىم غەزەپلىنىپ شۇنداق دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئاللىقاچان ئەلەڭگۈلۈك پەيدا بولغانىدى.

ئەلەڭلەشمەك

  • ئەلەڭلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆزى قاراڭغۇلىشاي دەپ قالماق، كۆزىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلماق:[مىسال:] ئىلياسنىڭ مەستلىكتە ئەلەڭلەشكەن كۆزلىرى ئويناپ كەتتى.

ئەلەڭلىمەك

  • ئەلەڭلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىككى تەرەپكە كۈچسىز چايقالماق، ئېغىنىماق:[مىسال:] ئۇ كەپىدىن چىقىپ ئەلەڭلەپ ئىككى تەرىپىگە نەزەر سالدى.

ئەلەمⅠ

  • ئەلەمⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] شەرىئەت يولى بىلەن چىقىرىلغان پەتىۋانى تەستىقلايدىغان ياكى رەت قىلىدىغان دىنىي زات؛ باش مۇپتى، دىنىي ئۆلىما:[مىسال:] ئەلەم ئاخۇنۇم.

ئەلەمⅡ

  • ئەلەمⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① جىسمانىي ئازاب، ئاغرىق:[مىسال:] ئەلەم كۈرىشى. * نىياز ئۇزاق يىلغىچە كېسەل ئازابىنى تارتىپ ئۆمرى ئەلەم بىلەن ئۆتتى. [يەشمىسى:] ② روھىي ئازاب، دەرد-ھەسرەت:[مىسال:] ئەلەم بولماق. ئەلەم تارتماق. ئەلەم چەكمەك. [يەشمىسى:] ③ قەست، ئۆچ، قىساس:[مىسال:] − سىز بىكاردىن-بىكار شۇنچە ئاچچىقلاپ كېتىپسىز، ئۇنىڭدىن ئالالمىغان ئەلەملىرىڭىزنى مەندىن ئالماقچىمۇ؟

ئەلەمⅢ

  • ئەلەمⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بايراق، تۇغ:[مىسال:] ئەلەملەر كۆرۈنۈپ، دۇمباق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. [يەشمىسى:] ② مازارلارنى تاۋاپ قىلغۇچىلار تەرىپىدىن شۇ مازارلارغا ئېسىلغان لاتا.

ئەلەمداش

  • ئەلەمداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەرد-ئەلەمنى بىللە تارتقۇچى:[مىسال:] مۇنار ئۇلىنى تىترەتكەن پىغانلىق ئاھ-نىداسىدىن، ناۋاسىدىن بېرىپ ئىلھام ئەلەمداش يارىغا تاشۋاي.

ئەلەمدار

  • ئەلەمدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] بايراق، تۇغ كۆتۈرگۈچى؛ بايراقدار:[مىسال:] جەڭ مەيدانىدا ئەلەمدارلار ئەلەملىرىنى كۆتۈرۈپ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى.

ئەلەمزادە

  • ئەلەمزادە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] يۈرىكى دەرد-ئەلەمگە توشقان، ئەلەم چەككەن، دەرد-ئەلەم تارتقان:[مىسال:]

  • ئىرپان سۈيى ئەلەمزادىلەر قەلبىگە يەتسۇن،

  • ئوقۇش ئۈچۈن كەتكەن ئىنىم مۇرادىغا يەتسۇن.

ئەلەمسىز

  • ئەلەمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەرد-ئەلەم تارتمىغان، دەرد-ئەلىمى يوق، ئەلەمدىن خالىي:[مىسال:] سەھەر-سۈبھى چىمەن باغلار ئارا سايرايدۇ خۇش كاككۇك، ئەلەمسىز كۈلكە يار ئەمدى مېنىڭدەك كۆڭلى سۇلغونغا.

ئەلەملىك

  • ئەلەملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەرد-ئەلىمى بار، دەرد-ئەلەم تارتقان:[مىسال:] بۇ تۆھمەت پارتىيە ئادىل، تەكشۈرۈڭلار، -دېدى قىز ئەلەملىك كۆز ياشلىرىنى ئېرىتىپ تۇرۇپ.

ئەلەيھىسسالام

  • ئەلەيھىسسالام[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پەيغەمبەرلەرنىڭ نامىغا ئۇلىنىپ كېلىپ «ئاللانىڭ رەھمىتى ئۇنىڭغىمۇ بولسۇن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

ئەلپاز

  • ئەلپاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھالەت، قىياپەت، تۇرق، ئەپت:[مىسال:] ئەلپازى ياخشى. ئەلپازى يامان.

ئەلتەك

  • ئەلتەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئارىلاشقاق، كۆپرەك باشقىلار بىلەن بىللە يۈرىدىغان:[مىسال:] ئەلتەك بالا.

ئەلتېرە

  • ئەلتېرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇغۇلۇپ بىر ئايغىچە ئارىلىقتا سويۇلغان قوزىنىڭ تېرىسى:[مىسال:] ئۇ بېشىغا كۇچا كۆرپىسىدە تىكىلگەن چىرايلىق قۇلاقچا، ئۈستىگە ئەلتېرە ياقا تۇتۇلغان سوكنا چاپان كىيىۋالغانىدى.

ئەلتېرىچى

  • ئەلتېرىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەلتېرىنى ئېلىپ-سېتىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى.

ئەل-جامائەت

  • ئەل-جامائەت[يەشمىسى:] ئەل ۋە جامائەت، يۇرت خەلقى:[مىسال:] ئۇزاق يىل كېسەل ئازابىنى تارتقان ئۆمەر ئاكىنى مەھەللىدىكى ئەل-جامائەت يىغىلىپ يوقلىدى.

ئەلچى

  • ئەلچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە مەلۇم ھاجەت، تاپشۇرۇق بىلەن ئەۋەتكەن كىشى، ئىككى ئوتتۇرىدا ۋاسىتىلىك رول ئوينايدىغان ئادەم:[مىسال:] ئەلچى قويماق. ئەلچى ئەۋەتمەك. [يەشمىسى:] ② دىپلوماتىك ۋەكىللەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىسى، ۋە شۇ ئۇنۋانغا ئىگە بولغان ئادەم؛ دىپلومات:[مىسال:] جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ روسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دېرەك (خەۋەر) بەرگۈچى نەرسە، بەلگە:[مىسال:] تۇرنا-باھارنىڭ تۇنجى ئەلچىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئەلچىخانا

  • ئەلچىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ يەنە بىر مۇستەقىل دۆلەتتە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىك ۋاكالەت ئورنى.

ئەلچىلىك

  • ئەلچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەلچى بولۇش ئىشى، ۋەزىپىسى:[مىسال:] رەنا: − ئوبدان ئاپا! ئەتىلىككە ئابلىز تاغام ئەلچىلىككە كەلمەكچى، سىز ماقۇل بولۇڭ جۇمۇ، − دەپ ئاپىسىنى قۇچاقلىدى.

ئەل-دوست

  • ئەل-دوست[يەشمىسى:] ئەل ۋە دوست، يار-بۇرادەرلەر.

ئەلقىساسۇمىنەلھەق

  • ئەلقىساسۇمىنەلھەق[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قىساس ئېلىش ھەق ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش دېگەن مەنىدىكى بېرىكمە.

ئەلقىسسە

  • ئەلقىسسە[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «ھېلىقى قىسسەنىڭ ئۆزىگە كەلسەك؛ شۇنداق قىلىپ» دېگەن مەنىدىكى باغلىغۇچى رولىدىكى سۆز:[مىسال:] ئەلقىسسە، شۇنىڭدىن كېيىن، شاھ خىسراۋ شەھەرگە قايتىپ، ئىككى ئاغىچىسىنى قويۇپ بەردى.

ئەلكۈن

  • ئەلكۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جامائەت، خالايىق، يۇرت ئەھلى:[مىسال:] ئەگەر بۇ ئىشنى ياخشى ئورۇندىمىساڭ ئەلكۈننىڭ ئالدىدا خىجالەتچىلىكتە قالىمىز.

ئەلكېزەر

  • ئەلكېزەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]ئەل+كېزەر[[يەشمىسى:] يۇرتمۇ يۇرت، شەھەرمۇ شەھەر ئارىلاپ يۈرىدىغان:[مىسال:] ئەلكېزەر ئادەم.

ئەلكېزەرلىك

  • ئەلكېزەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇرت ئارىلاپ يۈرۈش ئىشى، سەپەر قىلىش ئادىتى:[مىسال:] ئۇنىڭ يېرىم ئۆمرى ئەلكېزەرلىك بىلەن ئۆتتى.

ئەلگەك

  • ئەلگەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇمىلاق قاسقانلىق، ئاستىغا تور بېكىتىلگەن ئۇن تاسقايدىغان سايمان:[مىسال:] ئەلگەككە چىقىپ ئەرگە تېگىپتۇ (ماقال).

ئەلگەكتىن ئۆتكۈزمەك

  • ئەلگەكتىن ئۆتكۈزمەك[يەشمىسى:] ياخشى-ياماننى ئايرىماق، ئىنچىكىلىمەك، قىلنى قىرىق يارماق:[مىسال:] ئانداق ئاسان ئىش يوق، ھەربىر ئوقۇغۇچىنى نەچچە ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن تەستىقلايدىكەن.

ئەلگەكچى

  • ئەلگەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەلگەك ياسايدىغان ۋە ساتىدىغان كىشى.

ئەلگەكچىلىك

  • ئەلگەكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەلگەك ياساش ئىشى، ئەلگەك ياساش كەسپى:[مىسال:] ئەلگەكچىلىك قىلماق.

ئەلگەكلىك

  • ئەلگەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئەلگىكى بار، ئەلگەك كۆتۈرگەن. [يەشمىسى:] ② ئەلگەك قىلىشقا بولىدىغان، ئەلگەككە يېتىدىغان:[مىسال:] بىر ئەلگەكلىك تور.

ئەللامە

  • ئەللامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① ئىلىم-پەننىڭ بىر ياكى بىرنەچچە ساھەسىنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن بىلىملىك ئادەم. [يەشمىسى:] ② مەلۇم ئىش، مەلۇم ساھەنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغىنى:[مىسال:] بۇ پالۋانغا بۇ شەھەردىكى چېلىشچىلارنىڭ ئەللامىسىمۇ تەڭ كېلەلمەيدۇ.

ئەللەي

  • ئەللەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بوۋاق بالىنى ئۇخلىتىشتا ئېيتىلىدىغان سۆز:[مىسال:] ئەللەي ئەتمەك.[يەشمىسى:] ② بوۋاق بالىنى ئۇخلىتىشتا ئېيتىلىدىغان ئاھاڭلىق قوشاق:[مىسال:] ئەللەي ئېيتماق.

ئەللەي-ئەللەي

  • ئەللەي-ئەللەي[يەشمىسى:] «ئەللەي» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

ئەللەيلەتمەك

  • ئەللەيلەتمەك[يەشمىسى:] «ئەللەيلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بوۋاقلار ئانىلىرىنىڭ كۆكسىگە چىڭ چاپلىشىپ چىرقىراشماقتا، ئانىلار ئەللەيلىتىپ بەزلىمەكتە.

ئەللەيلەشمەك

  • ئەللەيلەشمەك[يەشمىسى:] «ئەللەيلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەللەيلەنمەك

  • ئەللەيلەنمەك[يەشمىسى:] «ئەللەيلىمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۆلىنىپ ناخشا-كۈيۈڭ بۆشۈكىگە، تەۋرەندىم خىياللاردا ئەللەيلىنىپ.

ئەللەيلىمەك

  • ئەللەيلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بوۋاق بالىنى ئۇخلىتىش ئۈچۈن بالىنى بۆشۈككە بۆلەپ ياكى يۆگەككە ئوراپ، «ئەللەي، ئەللەي» دەپ ياكى ئەللەي قوشىقى ئېيتىپ مىدىرلاتماق، تەۋرەتمەك، ئەللەي ئەتمەك:[مىسال:] تۇرسۇنگۈل بوۋاق بالىسىنى بۆشۈككە بۆلەپ ئەللەيلەپ ئۇخلاتتى.

ئەللىكⅠ

  • ئەللىكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ئەلگە مەنسۇپ، بىرەر مەملىكەتكە تەۋە:[مىسال:] چەت ئەللىك مۇخبىر.

ئەللىكⅡ

  • ئەللىكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] ئوننىڭ بەش قېتىم قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان سان:[مىسال:] ئەللىك ياش.

ئەللىكبېشى

  • ئەللىكبېشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[قۇرۇلمىسى:]]ئەللىك+بېشى[[يەشمىسى:] كونا جەمئىيەتتە يېزىلاردىكى ئەللىك ئائىلىنى باشقۇرغۇچى مەھەللە ئەمەلدارى.

ئەللىكىنچى

  • ئەللىكىنچى[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] تەرتىپ ئورنى جەھەتتىن 49 نىڭ كەينىدىلا تۇرىدىغان:[مىسال:] ئەللىكىنچى بەت.

ئەلمەش-چەلمەش

  • ئەلمەش-چەلمەش[يەشمىسى:] مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن، ئاپاق-چاپاق، ئىچقويۇن-تاشقويۇن، ھەمنەپەس:[مىسال:] بۇ جانىجان مەنپەئەت نەمەت بىلەن سايىمنى بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان ئەلمەش-چەلمەشلەرگە ئايلاندۇرۇۋەتكەنىدى.

ئەلمى-تەلمى

  • ئەلمى-تەلمى[يەشمىسى:] ئىشنىڭ يولى، ئېپى-جېپى؛ شەرت-شارائىتى:[مىسال:] بىز تېخىچە بۇ ئىشنىڭ ئەلمى-تەلمىنى بىلىپ بولالمىدۇق.

ئەلمىساق

  • ئەلمىساق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ئىنتايىن قەدىم زامان، ئەڭ بۇرۇنقى ۋاقىت:[مىسال:] بۇ … بىزنىڭ مىللىتىمىز ئىچىدە ئەلمىساقتىن تارتىپ بار ئادەت.

ئەلنەغمە

  • ئەلنەغمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەل+نەغمە[[يەشمىسى:] يەرلىك ئالاھىدىلىككە ھەم ئومۇملۇققا ئىگە بولغان، بىر يۈرۈشلۈك نەغمە ياكى نەغمىلەر يىغىندىسى.

ئەلنەغمىچى

  • ئەلنەغمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەغمە قىلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم؛ نەغمىكەش:[مىسال:] ناماز بامداتتىن كېيىن ئىشىكتىن بىرىنچى بولۇپ ئەلنەغمىچىلەر كىرىپ كەلدى.

ئەلنەغمىچىلىك

  • ئەلنەغمىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەلنەغمە بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] قەشقەر، كۇچا، غۇلجا كوچىلىرىدا، ساماۋار-چايخانىلاردا ئەلنەغمىچىلىك قىلىدىغان كەمبەغەل سازەندىلەر دائىم مۇقام چېلىش بىلەن كۈن كەچۈرگەن.

ئەلنەغمىلىك

  • ئەلنەغمىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەلنەغمە قىلىش ھەرىكىتى، پائالىيىتى:[مىسال:] ئۇ سايىمئاخۇن ئورۇنلىغان خوتەن سەنىمى بىلەن «چەبىيات مۇقامى» سەنىمىنىڭ نوتىسىنى سېلىشتۇرۇپ، سەنەم نەغمە شەكىللىرىنىڭ ئەلنەغمىلىك ئاساسى بىردەك ئىكەنلىكىنى، بىر مەنبەدىن تۈسلەشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

ئەلھاسىل

  • ئەلھاسىل[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، يىغىپ ئېيتقاندا، قىسقىسى، ئومۇمەن دېگەن مەنىدە قىستۇرما سۆز رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] ئەلھاسىل، ئۆلكىمىزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن خەلق تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ كېتىپ بارىدۇ.

ئەلھال

  • ئەلھال[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ھازىر، مۇشۇ پەيتتە، ئەينى ۋاقىتتا:[مىسال:] ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا ئەلھال بار بولغان بىلىمنى نەزەردە تۇتقان ھالدا جانلىق، قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلىشى كېرەك.

ئەلھايا

  • ئەلھايا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھايا قىلىش.

ئەلھەزەر

  • ئەلھەزەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ھەزەر قىلىڭلار، ساقلىنىڭلار:[مىسال:] كۆرمىگەن ئوڭ-سولدا دۇنيا بولسىمۇ زىرۇزەۋەر، دەر ئىدى خەلقىم زۇلۇمدىن «ئەلھەزەر، مىڭ ئەلھەزەر»، پېرىخۇندەك ئەللە ئويناپ كەلسە جىندار ئالدىدا.

ئەلھەق

  • ئەلھەق[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] راست، شۇنداق، ھەقىقەتەن:[مىسال:] «ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭكى» دېگەن سۆز ئەلھەق راست ئىكەن.

ئەلھەمدۇلىللا

  • ئەلھەمدۇلىللا[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئاللاغا شۈكۈر، خۇداغا شۈكۈر دېگەن مەنىلەردە خاتىرجەملىنىش تۇيغۇسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئەلھەمدۇلىللا، مىڭ مەرتە شۈكۈر، لېكىن ئولتۇرسام-قوپسام ئەس-يادىم سىلىدە، تاق قوپۇپ كېلەي دېسەم ئىشلار ئۆندەرەش.

ئەلھۆكمىلىللا

  • ئەلھۆكمىلىللا[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] تەقدىرنىڭ ھۆكمى شۇ، باشقا كەلگەننى كۆرمەي ئىلاج يوق، دېگەن مەنىلەردە تەن بېرىش تۇيغۇسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىزدە نېمە ئامال بار كەلگەن بالا-قازاغا ئەلھۆكمىلىللا دېمەستىن باشقا چارىمىز يوق.

ئەلۋەتتە

  • ئەلۋەتتە[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پىكىرنىڭ ياكى ئىش-ھەرىكەتنىڭ قەتئىيلىكىنى، مۇقەررەرلىكىنى، شۈبھىسىز، سۆزسىز بېجىرىلىشىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مېنى بارماي قالارمىكىن دەپ ئەندىشە قىلماڭ، مەن ئەلۋەتتە بارىمەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] شۈبھىسىز، تۇرغان گەپ، تەبىئىي دېگەن مەنىدە:[مىسال:] ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ دەرھال بارىدىغانلىقى بىزگە ئېنىق.

ئەلۋەك

  • ئەلۋەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مول، كۆپ، ئاۋات:[مىسال:] ئۇلار مېڭىۋېرىپ بىرچاغدا سۈيى ئەلۋەك، ئوت-چۆپى مول بىر يۇرتقا يېتىپ كەپتۇ.

ئەلۋەكچىلىك

  • ئەلۋەكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مولچىلىق، ئاۋاتچىلىق:[مىسال:] قاراڭ، بازاردىكى ئەلۋەكچىلىكنى، ھەممە نەرسە بار.

ئەلۋىدا

  • ئەلۋىدا[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] مەڭگۈلۈك خوشلىشىش، ئاخىرقى خوشلىشىشقا ئېيتىلىدۇ:[مىسال:]

  • دېدى خەلقىم شۇڭا چوڭقۇر يۈرەكتىن: «

  • ئەلۋىدا ئوغلۇم ياشايدۇ بىز بىلەن روھىڭ،

  • ئەمەس بىزدىن جۇدا ئوغلۇم»

ئەلۋىدالاشماق

  • ئەلۋىدالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەڭگۈلۈك خوشلاشماق:[مىسال:] دادىسى «چوقوم ئۆچ ئىلىڭلار...» دىگىنىچە جاھان بىلەن ئەلۋىدالاشتى.

ئەلىپماي

  • ئەلىپماي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەلىپ+ماي[[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ بىر خىلى. سانائەتتە سىرنىڭ خام ئەشياسى.

ئەلياتقۇ

  • ئەلياتقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەل+ياتقۇ[[يەشمىسى:] ئەل ئايىغى بېسىققان، ئەل ياتىدىغان ۋاقىت:[مىسال:] بىز ئەلياتقۇدا شەھەرگە يېتىپ كەلدۇق.

ئەل-يۇرت

  • ئەل-يۇرت[يەشمىسى:] ئەل ۋە يۇرت، يۇرت خەلقى:[مىسال:] ئۇ كۆڭلىدە ھامان ئەل-يۇرتنى خۇش قىلىشنى ئويلايتتى.

ئەم

  • ئەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] چېچەك ۋە بەزى باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېرە ئارقىلىق بېرىلىدىغان سۇيۇقلۇق.

ئەما

  • ئەما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كۆزى كۆرمەس؛ قارىغۇ:[مىسال:] خۇرشىدە موماينىڭ نېمە ئۈچۈن ئەما بولۇپ قالغانلىقىنى ئىنچىكىلەپ سورىدىم.

ئەمالىق

  • ئەمالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆرەلمەسلىك ھالىتى، كۆرەلمەسلىك ئىللىتى:[مىسال:] ئەمەت ئاكا كۆزىنىڭ ئەمالىقىدىن يورۇق دۇنيانىڭ ھۇزۇرىدىن بەھرىمەن بولالماي ئالەمدىن ئۆتتى.

ئەمەس

  • ئەمەس[يەشمىسى:] «ئەرمەك» ياردەمچى پېئىلىنىڭ بولۇشسىز سۈپەتدىشى بولۇپ، ئىنكار، رەت قىلىشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] رەخت پۇل ئەمەس، ھۈنەر پۇل (ماقال).

  • * قارا قاشىم بار مېنىڭ،

  • 90كۆيدۈرمە قاش لازىم ئەمەس.

  • 90بىر ئاداشىم بار مېنىڭ،

  • 90ئىككى ئاداش لازىم ئەمەس.

ئەمەلⅠ

  • ئەمەلⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ماتېماتىكىلىق ھېسابنىڭ ھەر بىر تۈرى:[مىسال:] تۆت ئەمەل. قوشۇش ئەمىلى. بۆلۈش ئەمىلى.

ئەمەلⅡ

  • ئەمەلⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەنسەپ، ھوقۇق، ۋەزىپە:[مىسال:] ئەمەل تۇتماق. ئەمىلى ئۆسمەك.

ئەمەلⅢ

  • ئەمەلⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كۈندىلىك ئىش، پائالىيەت، ئەمەلىيەت:[مىسال:] ئەمەلدە كۆرسەتمەك. ئەمەلگە ئاشۇرماق. * ئېغىزدا بار، ئەمەلدە يوق (ماقال). * ئەمىلى يوق سوپىدىن تۇخۇمى يوق توخۇ ياخشى (ماقال).

ئەمەل قىلماق

  • ئەمەل قىلماق[يەشمىسى:] رىئايە قىلماق، ئىجرا قىلماق، ئاساسلانماق:[مىسال:] سەلىم راست سۆزلۈك ئادەم. ئۇ لەۋزىگە چوقۇم ئەمەل قىلىدۇ.

ئەمەلپەرەس

  • ئەمەلپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئەمەلنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەمەلگە ئامراق، ئەمەلنىڭلا كويىدا يۈرىدىغان، مەنسەپپەرەس:[مىسال:] ئەمەلپەرەس ئادەم.

ئەمەلپەرەسلىك

  • ئەمەلپەرەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەمەلگە ئامراقلىق، ئەمەلگە ئامراق مىجەز، ئەمەلنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەت:[مىسال:] ياقۇپنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن ئەمەلپەرەسلىك چىقىپ تۇرىدۇ.

ئەمەلدار

  • ئەمەلدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەنسەپ ئىگىسى، مەنسەپدار:[مىسال:] پارىخور ئەمەلدار.

ئەمەلدارلارچە

  • ئەمەلدارلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئەمەلدارغا ئوخشاش، ئەمەلدارلاردەك:[مىسال:] قېييۇمنى بىر كۈن ۋاقىتلىق گۇرۇپپا باشلىقى قىلىپ قويۇۋىدى، ئەمەلدارلارچە قولىنى سىلكىپ بۇيرۇق قىلىدىغان بولۇۋالدى.

ئەمەلدارلىق

  • ئەمەلدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەمەلدار بولۇش ئىشى، ئەمەلدارغا خاس ئادەت:[مىسال:] ئۇ قاسىمغا: − چىقىڭ، بۇ ياق بىلەن مېڭىڭ، − دېدى سوغۇققىنا، ئەمەلدارلىق تەلەپپۇزىدا.

ئەمەلىي

  • ئەمەلىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىگە، تۇرمۇشىغا ئائىت بولغان، ھايات بىلەن باغلىنىشى بار:[مىسال:] دېھقانچىلىق ئىشلىرى دېھقانلارنىڭ كۈندىلىك ئەمەلىي ئىشىدۇر.[يەشمىسى:] ② ئەمەلىيەتكە تەتبىق قىلىنغان، تەجرىبە-سىناقلاردىن ئۆتكەن، تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلانغان، ھەقىقىي:[مىسال:] ئەمەلىي تېخنىكا. ئەمەلىي بىلىم.

ئەمەلىيەت

  • ئەمەلىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىجتىمائىي پائالىيەت، ئەمەلىي پائالىيەت، رېئاللىق:[مىسال:] بىلىش ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ.

ئەمەلىيەتچان

  • ئەمەلىيەتچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەمەلىيەتكە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەمەلىيەتچىلىكى كۈچلۈك:[مىسال:] ئەمەلىيەتچان ئادەم.

ئەمەلىيەتچانلىق

  • ئەمەلىيەتچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان كەيپىيات، ئەمەلىيەتكە ئىخلاس قىلىدىغان خۇسۇسىيەت:[مىسال:] ئادىلە يولدىشىغا: − سىز بارغاندىن كېيىن ئامېرىكىلىق ساۋاقداشلار ۋە خىزمەتداشلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈڭ. ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقىنىمۇ كەمتەرلىك بىلەن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىڭ، − دېدى.

ئەمەلىيەتچى

  • ئەمەلىيەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەمەلىيەتنى ئۈستۈن كۆرىدىغان، ئەمەلىي تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈشكە بېرىلگەن ئادەم:[مىسال:] بىر ئالىم ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پەزىلەت، قىلچىمۇ ساختىلىق ۋە قۇۋلۇق قىلماسلىق، ئەمەلىيەتچى بولۇش.

ئەمەلىيەتچىلىك

  • ئەمەلىيەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەمەلىيەتكە ئاساسلىنىش، ئەمەلىيەتنى ئۈستۈن كۆرۈش، ئەمەلىي تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش.

ئەمەلىيەتسىز

  • ئەمەلىيەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەمەلىيىتى يوق، ئەمەلىيەتكە ئاساسلانمىغان:[مىسال:] ئەمەلىيەتسىز نەزەرىيە بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق نەزەرىيە بار دېيىلسىمۇ، ئۇ-قۇرۇق سەپسەتە.

ئەمەلىيلەشتۈرمەك

  • ئەمەلىيلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەمەلىيلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] نىياز تۇردى يېزا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە پارتىيىنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

ئەمەلىيلەشتۈرۈشمەك

  • ئەمەلىيلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ئەمەلىيلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەك

  • ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئەمەلىيلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەمەلىيلەشمەك

  • ئەمەلىيلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەمەلىيەتكە ئايلانماق، رېئاللاشماق.

ئەمەلىيلىك

  • ئەمەلىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەمەلىي بولغان ئىش، رېئال ھالەت.

ئەمەن

  • ئەمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇ ئەتىيازدا شورلۇق يەرلەر ۋە ئېرىق بويلىرىدا بالدۇر ئۆسىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئاق ئەمەن ۋە قىزىل ئەمەن قاتارلىق تۈرلىرى بار. تېبابەتتە قاننى سوۋۇتۇش، يەلنى قايتۇرۇش رولى بار.

ئەمەنلىك

  • ئەمەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەمەن كۆپ ئۆسكەن، ئەمەن بىلەن قاپلانغان جاي.

ئەمبەل

  • ئەمبەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] خېمىرنى زۇۋۇلا قىلىش، ئېچىش ھەم گۆش، سەي توغراش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان شال تاختا.

ئەمبەللىك

  • ئەمبەللىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئەمبىلى بار، ئەمبەل ئورناتقان. [يەشمىسى:] ② ئەمبەل ياساشقا لايىق، باب:[مىسال:] ئەمبەللىك تاختاي.

ئەمچەك

  • ئەمچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاياللارنىڭ سۈت بەزلىرى جايلاشقان ئەزاسى:[مىسال:] بالا يىغلىمىغۇچە ئانا ئەمچەك سالماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② سۈت ئەمگۈزگۈچى ھايۋانلارنىڭ سۈت بېرىدىغان ئەزاسى، يېلىن.

ئەمچەكداش

  • ئەمچەكداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېمىلداش.

ئەمچەكسىمان

  • ئەمچەكسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەمچەككە ئوخشايدىغان، ئەمچەك شەكىللىك:[مىسال:] ئەمچەكسىمان ئۆسمە.

ئەمچەكلىك

  • ئەمچەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئەمچىكى بار:[مىسال:] ئەمچەكلىك ھايۋانلار.[يەشمىسى:] ② ئەمچىكى چوڭ:[مىسال:] ئەمچەكلىك ئايال.

ئەمچى

  • ئەمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەملىگۈچى تېۋىپ؛ تومۇرچى:[مىسال:] كۆپ ئاغرىغان ئەمچى بولۇر، كۆپ يۈرگەن يولچى بولۇر (ماقال).

ئەمچىلىك

  • ئەمچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەملەش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] ئايۇپ ئاتا مىراس كەسپى ئەمچىلىكنى قايتا قولىغا ئالغاندىن كېيىن ھال-كۈنى تېزلا ياخشىلىنىپ كەتتى.

ئەمدۈرمەك

  • ئەمدۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەممەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] چۈنكى سەن پەپىلەپ، ئاق سۈت ئەمدۈرۈپ، تۈنلىرى يېنىمدىن ئايرىلماي باققان. يىغلىسام قايسى چاغ مەن قىلىپ خەقىش، قولۇڭغا سەن ئېلىپ باغرىڭغا ياققان.

ئەمدۈرۈلمەك

  • ئەمدۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئەمدۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەمدى

  • ئەمدى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① سۆز بولۇۋاتقان پەيتتە، ھازىر:[مىسال:] مانا ئەمدى ھەممە ئىش جايىدا بولدى.[يەشمىسى:] ② سۆز سۆزلىنىۋاتقان پەيتتىن كېيىن، ھازىر:[مىسال:] ئۇ ئەمدى كېلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ مەنىنى تەكىتلەش، كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سۆز:[مىسال:]

  • خوش ئانا، كېتەي ئەمدى،

  • مەكتەپكە يېتەي ئەمدى.

  • بىلىم-ھېكمەت يولىغا

  • جاننى بەخش ئېتەي ئەمدى.

ئەمدىكى

  • ئەمدىكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۆز بولۇۋاتقان ۋاقىتقا ئائىت، شۇ پەيتتىكى، نۆۋەتتىكى، ھازىرقى:[مىسال:] ئەمدىكى گەپ. ئەمدىكى ۋەزىپە.

ئەمدىلەتىن

  • ئەمدىلەتىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئەمدىرەك، ئەمدىلا:[مىسال:] ئابدۇزاھىرلار ئەمدىلەتىن يولغا چىققان بولۇشى مۇمكىن.

ئەمدىلىكتە

  • ئەمدىلىكتە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۈگۈنكى كۈندە:[مىسال:] ئەمدىلىكتە ھېلىقى ئورۇق كالىلار بۇلۇتتەك سەمرىپ، تۈكلىرى پارقىراپ كەتتى.

ئەمر

  • ئەمر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بۇيرۇق، پەرمان، يارلىق:[مىسال:] ئەمر قىلماق.[يەشمىسى:] ② ئىختىيار، ئىختىيارلىق؛ ئىلىك؛ نىكاھ:[مىسال:] ئەمرىگە ئالماق. ئەمرىدە ساقلىماق.

ئەمر-پەرمان

  • ئەمر-پەرمان[يەشمىسى:] بۇيرۇق، پەرمان قاتارلىقلار:[مىسال:] دۆلەت ئاساسىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، دۆلەت تۈزۈمىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك مۇھىم قانۇن، ئەمر-پەرمانلارنى تۈزۈپ چىقتى.

ئەمرىمەرۇپ

  • ئەمرىمەرۇپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىنىي تەشۋىقات، پەند-نەسىھەت:[مىسال:] موللام يەنە بىرمۇنچە ئەمرىمەرۇپ قىلدى.

ئەمرىمەرۇپچى

  • ئەمرىمەرۇپچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دىنىي پەند-نەسىھەت قىلغۇچى كىشى.

ئەمرىمەھەل

  • ئەمرىمەھەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى دەرگۇمان، ناتايىن بولغان مۈشكۈل ئىش.

ئەمگەك

  • ئەمگەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە قىلىنغان ئىش، پائالىيەت؛ سىڭدۈرۈلگەن ئەجىر؛ مېھنەت:[مىسال:] ساقىلىنى ساتقان قېرىدىن، ئەمگىكىنى ساتقان بالا ياخشى (ماقال).

ئەمگەك كۈچى

  • ئەمگەك كۈچى[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] ئادەملەرنىڭ ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارى يەنى ئەقلىي ۋە جىسمانىي كۈچىنىڭ يىغىندىسى.

ئەمگەك كۈنى

  • ئەمگەك كۈنى[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] ئەمگەك ۋاقتىنى ھېسابلاشنىڭ بىرلىكى. مەملىكىتىمىزدە سەككىز سائەت بىر ئەمگەك كۈنى بولىدۇ.

ئەمگەك ۋاسىتىلىرى

  • ئەمگەك ۋاسىتىلىرى[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] كىشىلەر ئەمگەك ئوبيېكتىگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشتە پايدىلىنىدىغان بارلىق ماددىي ۋاسىتىلەرنىڭ مەجمۇئەسى. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش قورالى، يەر، ئۆي-ئىمارەت، يول، قانال، ئامبار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش قورالى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

ئەمگەكⅡ

  • ئەمگەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جاپا، غۇربەتچىلىك، قىيىنچىلىق.

ئەمگەكچان

  • ئەمگەكچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشچان، ئەمگەك سۆيەر:[مىسال:] ئەمگەكچان ياش.

  • * مېنىڭ ئانام ئەمگەكچان،

  • 90ئانىلارنىڭ ياخشىسى.

  • 90ئىشى چۈشمەس قولىدىن،

  • 90ئېغىزىدىن ناخشىسى.

ئەمگەكچانلىق

  • ئەمگەكچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەمگەكنى سۆيىدىغان كەيپىيات، ئىشلەشنى ياخشى كۆرىدىغان خۇسۇسىيەت:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەمگەكچانلىقى بارلىققا كەلگەنگە قەدەر بولغان جەرياننى ئەسلەپ، ئەمگەكنىڭ شەرەپلىكلىكىنى، ئەمگەك قىلماسلىقنىڭ نومۇس ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى.

ئەمگەكچى

  • ئەمگەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەمگەك قىلغۇچى، مېھنەتكەش، ئىشچى.

ئەمگەكسىز

  • ئەمگەكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەمگەك قىلماي، ئەمگەك سىڭدۈرمەي، ئىشلىمەي:[مىسال:] سۇسىز ھايات بولماس، ئەمگەكسىز راھەت بولماس (ماقال).

ئەمگەكقاراش

  • ئەمگەكقاراش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەمگەك+قاراش[[يەشمىسى:] ئەمگەككە بولغان تونۇش، چۈشەنچە، ئەمگەك ھەققىدىكىكۆز قاراش:[مىسال:] ئۇنىڭ ئەمگەكقارىشى ياخشى.

ئەمگەكلىكⅠ

  • ئەمگەكلىكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەمگەك قىلىنغان، ئەمگەك سىڭگەن؛ مېھنەتلىك:[مىسال:] ئەمگەكلىك ئىشنىڭ ئاتىقى چىقار، قىلمىسا چاتىقى چىقار (ماقال).

ئەمگەكلىكⅡ

  • ئەمگەكلىكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جاپاكەشلىك، شورپېشانىلىك، تەلەيسىزلىك.

ئەمگىمەك

  • ئەمگىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جاپا چەكمەك، چارچىماق، ھارماق، تالماق.

ئەملەتمەك

  • ئەملەتمەك[يەشمىسى:] «ئەملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] چېچەك ئەملەتمەك.

ئەملەشمەك

  • ئەملەشمەك[يەشمىسى:] «ئەملىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەملەنمەك

  • ئەملەنمەك[يەشمىسى:] «ئەملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەملىتىلمەك

  • ئەملىتىلمەك[يەشمىسى:] «ئەملەتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەملىمەك

  • ئەملىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چېچەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوكۇلى سالماق، مۇداپىئە ئوكۇلى ئۇرماق: داۋالىماق: چېچەك ۋاكسىنىسىنى ئەملىمەك.[يەشمىسى:] ئەمما[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قارىمۇقارشى باغلىغۇچى بولۇپ كېلىدۇ. مەنە جەھەتتىن «لېكىن»، «بىراق» سۆزلىرى بىلەن ئوخشاش:[مىسال:] مەن كۆزلىرىدىن كىشىنى ئوڭايسىزلاندۇرغۇچى بىر خىل نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بۇ ئادەمنىڭ يۈزىگە قاردىميۇ، ئەمما ئىشقا بەلگىلەشكە تىلىم بارماي، ياغاچ چېلەكنى ئالدىم-دە، سىرتقا قاراپ ماڭدىم.

ئەممەك

  • ئەممەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئەمچەكتىن ياكى ئېمىزگۈدىن سۈت سۈمۈرۈپ ئىچمەك:[مىسال:] جېنىم ئانا سەندىن بۈگۈن ئايرىلىدىغان بولدۇم، سېنى ئاخىرقى قېتىم بىر ئېمىۋالسام، دەپتۇ بالا.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزىگە سىڭدۈرمەك، بەھرە ئالماق:[مىسال:] گۈل چېكىمەن ئىشقىمدىن، تالا-تالا يول قىلىپ، تاغدەك كۈچكە تولدۇممەن، زامانەمدىن نۇر ئېمىپ.

ئەمىر

  • ئەمىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] خان، پادىشاھ، باش سەركەردە:[مىسال:] ئۇ چوڭ بىر ئەمىرنىڭ قىزى ئىكەن.

ئەمىرزادە

  • ئەمىرزادە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئەمىرنىڭ ئوغلى:[مىسال:] ھەي يىگىت راستىڭنى ئېيتقىن، پادىشاھزادىمۇسەن، يا ئەمىرزادىمۇسەن، يا بەگزادىمۇسەن ياكى بايزادىمۇسەن دەپتۇ مەلىكە.

ئەمىرلىك

  • ئەمىرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەمىردە بولىدىغان، ئەمىرگە لايىق، ئەمىرگە تەئەللۇق:[مىسال:] ئەمىرلىك ھوقۇق.

ئەمىر-ئۆمەرا

  • ئەمىر-ئۆمەرا[يەشمىسى:] ئەمىر ۋە ئەمىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار:[مىسال:] شاھ مەھمۇتخان ئەمىر-ئۆمەرالىرىغا قاراپ: ئەل-يۇرت بىزدىن رازىمۇ، يوق؟ دەپ سورىدى.

ئەمىسە

  • ئەمىسە[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] جاۋاب جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىپ «ئۇنداقتا، ئۇنداق بولسا، ئۇنداق بولغاندا» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] − ماقۇل موما، ئەمىسە كەتتۇق، سەن ماڭا راستتىنلا بىر دانە پۇتبول توپى ئېلىپ بېرىسەن؟ − دېدى موماينىڭ نەۋرىسى ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋېتىپ.

ئەمىن

  • ئەمىن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئامان-ئېسەن؛ خاتىرجەم:[مىسال:] ئەمىن تاپماق.[يەشمىسى:] ② ئىشەنگەن:[مىسال:] بىز پادىشاھىمىزنىڭ پۇقرالارغا بۇنداق غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا ئەزەلدىنلا ئەمىن ئىدۇق.

ئەمىنلىك

  • ئەمىنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەمىن ھالەت، ئەمىن كەيپىيات:[مىسال:] ساۋاقداشلار قەيسەرنىڭ ئانىسىنىڭ ئەمىنلىكىنى ئاڭلاپ ئەركىن نەپەس ئېلىشتى.

ئەنⅠ

  • ئەنⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوي، كالا قاتارلىق ھايۋانلارنى تونۇۋېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قۇلاق ياكى يوتىسىغا سېلىنغان بەلگە، نىشان:[مىسال:] ئەن سالماق.

ئەنⅡ

  • ئەنⅡ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رەخت ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ كەڭلىكى؛ توغرىسى:[مىسال:] ئېنى كەڭ رەخت. رەختنىڭ ئېنى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىيىم ۋە باشقا نەرسە ئۈچۈن تېخى ئۆلچەپ كېسىلمىگەن؛ پارچىلانمىغان:[مىسال:] ئەن رەخت. ئەن ياغاچ.

ئەنⅢ

  • ئەنⅢ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۇ ئىتتىك، راۋان ئاقىدىغان، چوڭقۇر:[مىسال:] سۈيى ئەن. ئەن ئېرىق.

ئەنⅣ

  • ئەنⅣ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزلەشكەن، كۆنگەن، ئۈنۈملۈك، ھوسۇللۇق؛ مۇنبەت:[مىسال:] ئەن يەر. يېرى ئەن جاي.

ئەنە

  • ئەنە [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] نېرىراقتا ياكى كۆز ئالدىدا تۇرغان نەرسىنى ياكى بولمىسا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقە، ھادىسىلەرنى كۆرسىتىشتە قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] -سەمەت قېنى-ئەنە، كېلىۋاتىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]يۈكلىمە.[يەشمىسى:] كۆرسىتىش، تەكىتلەش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش قاتارلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] ئەنە شۇنداق چاغدىمۇ مېنىڭ دادام مېنى جىددىي ھەم سالماق قەدەملەر بىلەن ئالغا يېتەكلەپ كېتىۋاتىدۇ.

ئەنەتكەك

  • ئەنەتكەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھىندىستاننىڭ تىلىمىزدا قوللىنىلغان قەدىمكى نامى.

ئەنە-مانا

  • ئەنە-مانا[يەشمىسى:] ھەر خىل باھانە-سەۋەب، ۋەج، قۇرۇق ۋەدە، گەپ-سۆز:[مىسال:] سەن ئەمدى ئەنە-ماناڭنى قوي.

ئەنئەنە

  • ئەنئەنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى ئۆرپ-ئادەت، ئەخلاق، ئىدىيە، ئىستىل، سەنئەت، تۈزۈم قاتارلىق تەرەپلەردە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا، ئاتىدىن بالىغا قېلىپ كېلىۋاتقان، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر خىل ئىجتىمائىي ئامىل:[مىسال:] مېھماندوست ئۇيغۇر بوۋاي ئۆز ئەنئەنىسى بويىچە ئاتنى ئېغىلغا باغلاپ، يىپەك سەللىلىك يولۇچىنى ئۆيگە باشلىدى.

ئەنئەنىچى

  • ئەنئەنىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەنئەنە ۋە قائىدە-يوسۇنلارنى قوغدىغۇچى ۋە ياقلىغۇچى، داۋاملاشتۇرغۇچى كىشى.

ئەنئەنىچىلىك

  • ئەنئەنىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئەنئەنە بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتى.

ئەنئەنىلىك

  • ئەنئەنىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەنئەنىگە ئىگە:[مىسال:] ناۋايى ئانا تىلىمىزنىڭ ئەنئەنىلىك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئەدەبىيات مەيدانىغا چىقتى ۋە سەلبىي جەريانغا خاتىمە بەردى.

ئەنئەنىۋى

  • ئەنئەنىۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئەنئەنە بويىچە داۋاملىشىپ كەلگەن، ئەنئەنە بولۇپ قالغان، ئەنئەنىگە ئايلانغان، ئەنئەنىلىك:[مىسال:] ئەنئەنىۋى بايرام. ئەنئەنىۋى ئادەت.

ئەنئەنىۋىلىك

  • ئەنئەنىۋىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەنئەنىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئادەت، ئەنئەنىگە خاس قائىدە.

ئەنبەر

  • ئەنبەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىت ئۈچىيىدىن ئاجرىتىۋېلىنىدىغان مومسىمان ئۆتكۈر خۇش پۇراقلىق ماددا، رەڭگى كۈل رەڭ ياكى قارا بولىدۇ. بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل خۇش پۇراقلىق ماتېرىياللار تەييارلىنىدۇ:[مىسال:]

  • دىلرەبانىڭ قولى ھىجران ياقىسىنى قىلدى چاك،

  • لالە-ئەنبەر ھىدىغا تولدى ھاۋا، تۇپراقۇخاك.

ئەنبەرگۈل

  • ئەنبەرگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەنبەر+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «قوڭغۇراقۋاش»قا قاراڭ.

ئەنبەرلىك

  • ئەنبەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەنبىرى بار، ئەنبەر پۇراپ تۇرىدىغان:[مىسال:]

  • يول بويى كەلدىم ساماغا يۆلىنىپ،

  • مۈشكى-ئەنبەرلىك ھاۋاغا چۆمۈلۈپ.

ئەنبەھ

  • ئەنبەھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە>ھىندىچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] سىر دەرىخى ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، مېۋىسى بۆرەك شەكلىدە بولىدۇ، پىشقاندا سارغىيىدۇ، ئۈچكىسى چوڭ، تالالىرى بار، مېۋە گۆشى سېرىق، يېيىشكە بولىدۇ، شىرنىلىك، تەمى مەززىلىك بولۇپ «مانگو» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئەنبىيا

  • ئەنبىيا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] پەيغەمبەرلەر:[مىسال:] ئۇ پۈتۈن ئەۋلىيا، ئەنبىيالارنى شېپى كەلتۈرۈپ قەسەم ئىچىپ قوزغالماسقا ۋەدە بەردى.

ئەنبىيالىق

  • ئەنبىيالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەنبىيالارغا خاس ئىش، پائالىيەت.

ئەنت

  • ئەنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىنتىقام، قىساس، ئۆچ:[مىسال:] ئەنتىنى ئالماق.

  • * ئۆلسەم ئورنۇمدا قالار ئىزىم بار،

  • 90ئەنتىمنى ئالار ئوغۇل-قىزىم بار.

ئەنتارتقۇ

  • ئەنتارتقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەن+تارتقۇ[[يەشمىسى:] توقۇلۇۋاتقان گىلەمنىڭ كەڭلىكىنى مۇقىملىقتا ساقلاش ئۈچۈن ئىككى تەرەپتىن تارتىپ تۇرىدىغان تانا.

ئەنجام

  • ئەنجام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئائىلە سەرەمجانلىرى؛ زۆرۈر نەرسە-كېرەكلەر:[مىسال:] سەيدىخان ئاچىمۇ ئۇنىڭ سەپەر ئەنجاملىرىنى خۇرجۇنغا قاچىلاپ، پېشايۋاندا ھازىر بولدى.

ئەنجۈر

  • ئەنجۈر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۈجمە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، مېۋىسى گۆشلۈك بولۇپ، خام چېغىدا يېشىل، پىشقاندا سارغۇچ قوڭۇر ياكى سۆسۈن قوڭۇر رەڭگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ مېۋىسى، شېخى، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزىمۇ دورا قىلىنىدۇ؛ تەمى تاتلىق بولۇپ، تەبىئىتى مۆتىدىل، زەھەرسىز؛ بەدەنگە قۇۋۋەت بېرىپ، تالنى ياخشىلايدۇ، ئۈچەينى سىيلىقلاشتۇرىدۇ. رېماتىزمنى يوقىتىدۇ، قان توختىتىدۇ، سۈت ماڭدۇرىدۇ.

ئەنجۈرشاپتۇل

  • ئەنجۈرشاپتۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەنجۈر+شاپتۇل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] شەكلى ئەنجۈرگە ئوخشايدىغان، شاپتۇلنىڭ يەنە بىرخىل يېڭى سورتى.

ئەنجۈرلۈك

  • ئەنجۈرلۈك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەنجۈر بار. ئەنجۈر ئۆسكەن:[مىسال:] ئەنجۈرلۈك باغ. ئەنجۈرلۈك ھويلا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەنجۈر تىكىپ ئۆستۈرۈلگەن يەر، ئەنجۈر تىكىلگەن جاي:[مىسال:] قەيسەر ئەتىگەندە ئەنجۈرلۈككە كەتتى.

ئەنجىبار

  • ئەنجىبار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قامچىئوت ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۈسۈملۈك. غولى يىلتىزسىمان توم، تىك، يەككە ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ ۋە ساپاقسىز، مېۋىسى ئۈچ قىرلىق، قارا، پارقىراق كېلىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى دورا بولىدۇ؛ ئىسسىق قايتۇرۇش، زەھەرنى تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش رولىغا ئىگە.

ئەندەك

  • ئەندەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىردەم، كىچىككىنە، جىندەك.

ئەندۇ

  • ئەندۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غەلىتە، باشقىچە.

ئەندۇۋا

  • ئەندۇۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] سۇۋاقچىلىقتا تامنى سۇۋاش، سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان دەستىلىك، تېگى سىلىق مېتال ئەسۋاب.

ئەندىزە

  • ئەندىزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كىيىم-كېچەك ياكى بىرەر باشقا نەرسە پىچىش، تەييارلاشتا ئۆلچەم قىلىدىغان ئۆرنەك، ئۈلگە:[مىسال:] كىيىم ئەندىزىسى. گۈل ئەندىزىسى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆرنەك؛ نەمۇنە: ئەندىزە قىلماق.

ئەندىزىچى

  • ئەندىزىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەندىزە تەييارلاش، ئەندىزە ئېلىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى.

ئەندىزىچىلىك

  • ئەندىزىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەندىزە ئېلىش ۋە ئەندىزە تەييارلاش ئىشى ۋە شۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى.

ئەندىزىلىك

  • ئەندىزىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەندىزىسى، ئۈلگىسى بار.

ئەندىشە

  • ئەندىشە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] غەم، تەشۋىش، خاتىرجەمسىزلىك:[مىسال:] ئەندىشە قىلماق. ئەندىشىگە چۈشمەك.

ئەندىشىسىز

  • ئەندىشىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غەم-ئەندىشىسى يوق، خاتىرجەم، غەمسىز:[مىسال:] بوغۇلۇپ قالغان تىلىڭنى قىل راۋان ئەندىشىسىز، چەكمە غەم، تۈزلە بېلىڭنى كۆتۈرۈپ باشنى ئېگىز.

ئەندىشىلىك

  • ئەندىشىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غېمى، تەشۋىشى، ئەندىشىسى بار:[مىسال:] مەن كەلگۈسى ھەققىدە ئەندىشىلىك خىياللارنىمۇ قىلاتتىم.

ئەندىكتۈرمەك

  • ئەندىكتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەندىكمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئاسماندىن چۈشكەندەكلا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بۇ چىرايلىق قىزنىڭ خۇش تەبەسسۇمى قادىرنىڭ يۈرىكىنى ئىختىيارسىز ئەندىكتۈرۈۋەتتى.

ئەندىكتۈرۈلمەك

  • ئەندىكتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئەندىكتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەندىكمەك

  • ئەندىكمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تاسادىپىيلىقتىن سىلكىنىپ كەتمەك، شۈركەنمەك، چۆچۈمەك:[مىسال:] رەقىبنىڭ سۆزىدىن بىراۋ بېشىمغا بىر چېلەك سوغۇق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكتىم.

ئەندىكىشمەك

  • ئەندىكىشمەك[يەشمىسى:] «ئەندىكمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەنزار

  • ئەنزار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>مەتبۇئاتچىلىق<[يەشمىسى:] دەسلەپكى پىكىر، دەسلەپكى مۇلاھىزە، دەسلەپكى قاراش.

ئەنزە

  • ئەنزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] جەمئىيەتتىكى تەپتىش ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشى ۋە دەۋا ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قانۇنغا خىلاپ ئىش-ھەرىكەت، ۋەقە، ھادىسە:[مىسال:] ئەنزە ئاغدۇرماق. ئەنزە تۇغدۇرماق.

ئەنسىرەتمەك

  • ئەنسىرەتمەك[يەشمىسى:] «ئەنسىرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئىشىكنىڭ تۇيۇقسىز قېقىلىشى زايىت بوۋاينى بىرئاز ئەنسىرىتىپ قويدى.

ئەنسىرەشمەك

  • ئەنسىرەشمەك[يەشمىسى:] «ئەنسىرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قىزنىڭ «زۇنۇن لەقۋاغا ياتلىق بولماقچى ئوخشايدۇ» دېگەنگە ئوخشاش سۆز-چۆچەكلەرگە قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرىشەتتى.

ئەنسىرىمەك

  • ئەنسىرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غەم قىلماق، قايغۇرماق، ئەندىشە قىلماق:[مىسال:] ئۇلار گۈلچېھرىنىڭ بۇ مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كېتەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيتتى.

ئەنسىزⅠ

  • ئەنسىزⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەن سېلىنمىغان، ئېنى يوق:[مىسال:] ئەنسىز قوي. ئەنسىز كالا.

ئەنسىزⅡ

  • ئەنسىزⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېنى تار، ئېنى تاختا:[مىسال:] ئەنسىز رەخت.

ئەنسىزⅢ

  • ئەنسىزⅢ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىنچ، خاتىرجەم ئەمەس، ئەندىشىلىك، تەشۋىشلىك، قورقۇنچلۇق:[مىسال:] ئەنسىز كېچە. ∥ ئەنسىز ۋارقىرىماق.

ئەنسىزچىلىك

  • ئەنسىزچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئەنسىزلىك»كە قاراڭ:[مىسال:] بىر گۆرگە سۇ كىرسە، مىڭ گۆردە ئەنسىزچىلىك (ماقال).

ئەنسىزلەندۈرمەك

  • ئەنسىزلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەنسىزلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئارقا-ئارقىدىن توختىماي ئۇرۇلۇۋاتقان قۇڭغۇراق گۈلسۈمخان ئانىنى ئەنسىزلەندۈرۈۋەتتى.

ئەنسىزلىك

  • ئەنسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىنچ بولمىغان ھالەت، ئەنسىز كەيپىيات:[مىسال:] گۆر ئەنسىزلىكىدىن ئۆي ئەنسىزلىكى يامان (ماقال).

ئەنقا

  • ئەنقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە ناھايىتى چوڭ، ھەيۋەتلىك ئەپسانىۋى قۇش.

ئەنكاپ

  • ئەنكاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] تام قوپۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن خىش ئارىلىقلىرىدا قالغان كاۋاكچىلارغا لاي تولدۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب.

ئەنكاپلاتماق

  • ئەنكاپلاتماق[يەشمىسى:] «ئەنكاپلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئەنكاپلاشماق

  • ئەنكاپلاشماق[يەشمىسى:] «ئەنكاپلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەنكاپلانماق

  • ئەنكاپلانماق[يەشمىسى:] «ئەنكاپلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەنكاپلىماق

  • ئەنكاپلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] تام قوپۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن خىش ئارىلىقلىرىدا قالغان كاۋاكچىلارغا لاي تولدۇرماق.

ئەنگىلىشىم

  • ئەنگىلىشىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] يىپەكتىن توقۇلىدىغان تېگى قېلىن، يۈزىگە ھەر خىل گۈل نۇسخىلىرى چۈشۈرۈلگەن، گۈلى پارقىراق بىر خىل رەخت، رەڭگى ھەر خىل بولىدۇ.

ئەنلەتمەكⅠ

  • ئەنلەتمەكⅠ[يەشمىسى:] «ئەنلىمەكⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئەنلەتمەكⅡ

  • ئەنلەتمەكⅡ[يەشمىسى:] «ئەنلىمەكⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئەنلەشمەك

  • ئەنلەشمەك[يەشمىسى:] «ئەنلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەنلەنمەك

  • ئەنلەنمەك[يەشمىسى:] «ئەنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەنلىك

  • ئەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېنى نىسبەتەن كەڭ، ئېنى تاختا ئەمەس:[مىسال:] ئەنلىك رەخت. ئەنلىك بۆز.

ئەنلىمەكⅠ

  • ئەنلىمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مېتىرلىماق، ئېنى ئوخشاش ھالغا كەلتۈرمەك؛ ئۆلچىمەك:[مىسال:] رەختنى ئەنلىمەك. ماتانى ئەنلىمەك.

ئەنلىمەكⅡ

  • ئەنلىمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كەڭرىپ، چوڭقۇرلىشىپ تېز، راۋان ئاقىدىغان ھالەتكە كەلمەك، ئەن تارتماق (سۇ ھەققىدە):[مىسال:] ئېچىق ئەنلەپ ئاسان ئەتكىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەنىدى.

ئەھە

  • ئەھە[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] يۆتەلگەندە چىقىدىغان قاتتىق ئاۋاز.

ئەھەي

  • ئەھەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ئەپسۇسلىنىش، ئەجەبلىنىش مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] −ئەھەي... تۆگە مېنىپ تۇرۇپ، تۆگىسىنى ئىزدەپتۇ، دېگەننىڭ ئۆزى شۇ-دە

ئەھدە

  • ئەھدە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پۈتۈشكەن، بىرلىككە كەلگەن قەتئىي سۆز، ۋەدە، لەۋز؛ قارار:[مىسال:] ئەھدە قىلماق. ئەھدىسىدىن چىقماق.

ئەھدۇپەيمان

  • ئەھدۇپەيمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قەتئىي ۋەدە:[مىسال:]

  • يوق ساڭا بۇندا ئورۇن،

  • سەن ئەھدۇپەيمان بۇلغىدىڭ،

  • چىن مۇھەببەت يولىدا

  • بىر سۆز ۋە بىر جان بولمىدىڭ.

ئەھدىلەشمەك

  • ئەھدىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شەرتلەشمەك، ۋەدىلەشمەك، سۆز بېرىشمەك:[مىسال:] بۇرۇن بىز ئۈچەيلەن ئەھدىلەشكەن ۋاقتىدا، بىللە ياشاپ بىللە ئۆلىمىز دەپ ئانت ئىچىشكەنىدۇق.

ئەھدىنامە

  • ئەھدىنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] يېزىلغان ھۆججەت، شەرتنامە، كېلىشىم:[مىسال:] ئەھدىنامە تۈزمەك.

ئەھكام

  • ئەھكام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ھۆكۈم، ئەمر-پەرمان، يوليورۇق:[مىسال:] دىنىي ئەھكام.

ئەھل

  • ئەھل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ساھە، كەسىپ ياكى دائىرە كىشىلىرى:[مىسال:] كەسىپ ئەھلى. بىلىم ئەھلى. [يەشمىسى:] ② مەلۇم بىر جايدا ياشايدىغان، توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر، ئاھالە:[مىسال:] يۇرت ئەھلى. شەھەر ئەھلى.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىش-ھەرىكەتكە قاتناشقۇچى، داخىل بولغۇچى كىشىلەر، جامائەت:[مىسال:] مەجلىس ئەھلى.

ئەھلىسەلىپ

  • ئەھلىسەلىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئەسىردە مۇقەددەس زېمىننى ئىستېلا قىلىش ئۈچۈن غەربتىكى خرىستىئانلارنىڭ قىلغان ھەربىي يۈرۈشىگە قاتناشقۇچىلار، ئۇلار كىيىملىرىگە ۋە قوراللىرىغا سەلىپ (كرېست) بەلگىسىنى قادىۋالغان، شۇڭا ئەھلىسەلىپ دېيىلگەن.

ئەھلىمەھەللە

  • ئەھلىمەھەللە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىر مەھەللىدە ياشاۋاتقان كىشىلەر، بىر مەھەللىنىڭ ئادەملىرى، ئەل-جامائەت:[مىسال:] توختى كۆپچىلىككە: قېنى، جامائەت، ئەھلىمەھەللە مۇشۇ يەردە ئىكەنمىز، بۇ توغرىدا مەسلىھەتلىشىپ باقايلى. دېدى.

ئەھمىيەت

  • ئەھمىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسە ياكى ئىشنىڭ كىشىلىك ھاياتىدا، جەمئىيەتتە، ۋەقەلىكتە تۇتقان ئورنى؛ قىممىتى؛ مۇھىملىقى؛ رولى:[مىسال:] ئەھمىيىتى بار. ئەھمىيىتى زور.[يەشمىسى:] ② ئېتىبار؛ دىققەت-ئېتىبار:[مىسال:] ئەھمىيەت بەرمەك.

ئەھمىيەتسىز

  • ئەھمىيەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەھمىيىتى، ئېتىبارى، زۆرۈرىيىتى يوق، مۇھىم ئەمەس:[مىسال:] بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالماس ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز بىر نېمە ئىدى.

ئەھمىيەتلىك

  • ئەھمىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەھمىيىتى بار، ئەھمىيەتكە ئىگە:[مىسال:] بۈگۈنكى سۆھبەت بىر ئەھمىيەتلىك دەرس بولدى.

ئەھۋال

  • ئەھۋال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەۋجۇت بولغان ياكى يۈز بەرگەن ھالەت، پەيدا بولغان كەيپىيات، ۋەزىيەت:[مىسال:] ئىنقىلاب دەۋرىدە ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى تېز بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② تۇرمۇش شارائىتى، ھال-ئەھۋالى، كۈنى:[مىسال:] ئۆي ئەھۋالى. * ئۆيۈڭدىكى ئەھۋالنى قوشناڭدىن سورا (ماقال).

ئەھۋالات

  • ئەھۋالات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھال-ئەھۋاللار، ۋەزىيەت، شارائىت:[مىسال:] تەرجىمان ھىندىستانغا خېلى كۆپ قېتىم كەلگەن بولغاچقا، بۇ يەرنىڭ ئەھۋالاتى بىلەن پىششىق تونۇش ئىدى.

ئەھۋاللاشماق

  • ئەھۋاللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر-بىرىدىن ھال-ئەھۋال، تىنچلىق-ئامانلىق سوراشماق:[مىسال:] ئەختەم گۈلچەمخان چوڭ ئانامغا قاراپ كېلىۋېتىپ، گۈللۈك يېنىدا ئىككى قولىنى كۆكسىنىڭ ئۈستىگە جۈپلەپ تەزىم قىلدى. قەددىنى رۇسلاپ ئەھۋاللاشتى.[يەشمىسى:] ② ھاللاشماق، پاراڭلاشماق، سۆزلەشمەك؛ پىكىرلەشمەك:[مىسال:] تاشۋاي كىشىلەرگە سالام بېرىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن قىزغىن ئەھۋاللىشىدۇ.

ئەھيا

  • ئەھيا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] بەرپا، بىنا:[مىسال:] ئەھيا قىلماق.

ئەھيان

  • ئەھيان[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ھەر زامان، بىر زامان، بەزىدە:[مىسال:]

  • سەبرى گۆھەر، سىر ئالتۇن،

  • سىرى ئەھيان ئۆزگىدۇر.

  • سىرى ئايان ئەھلىگە،

  • ئۆمرى گەريان ئۆزگىدۇر.

ئەۋەتكۈزمەك

  • ئەۋەتكۈزمەك[يەشمىسى:] «ئەۋەتمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەيدان رەھبەرلىكىگە ئەھۋال ئېيتىشنى، ئالدىغا ئادەم ئەۋەتكۈزۈشنى ئويلىدىم.

ئەۋەتمەك

  • ئەۋەتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا كىشى بۇيرۇماق، ماڭدۇرماق:[مىسال:] ئادەم ئەۋەتمەك.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنى بىر جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا بىرەر ۋاسىتە ئارقىلىق يوللىماق، يەتكۈزمەك، ماڭدۇرماق:[مىسال:] دادام سىلەرنى ئۆز قولى بىلەن تېرىغان بۇغدايدىن يەپ باقسۇن دەپ، بىر تاغار ئەۋەتتى.

ئەۋەتىشمەك

  • ئەۋەتىشمەك[يەشمىسى:] «ئەۋەتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يۇقىرىدىن ياردەم ئۈچۈن كىملەرنى ئەۋەتىشكەنلىكى تېخى مەلۇم ئەمەس.

ئەۋەتىلمەك

  • ئەۋەتىلمەك[يەشمىسى:] «ئەۋەتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئوقۇشقا ئەۋەتىلمەك.

ئەۋپارىقۇن

  • ئەۋپارىقۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] سېرىق چاي ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.مېۋىسى غوزا شەكلىدە، ئۇرۇقى كۆپ، قارامتۇل پور رەڭدە بولىدۇ؛ پۈتۈن تېنى دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىسسىقنى تارقىتىش، زەھەرنى قايتۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، قاننى ماڭغۇزۇش رولى بار. ئۇ يەنە «سېرىق چاي ۋە دالا چاي» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئەۋج

  • ئەۋج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كۈچىيىش، زورىيىش، يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش:[مىسال:] ئەۋج ئالماق.[يەشمىسى:] ② يۇقىرى پەللە:[مىسال:] ناخشىنىڭ يۇقىرى ئەۋجى.∥ ئەۋجىگە چىقماق.

ئەۋجلىك

  • ئەۋجلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەۋجىگە چىققان، يۇقىرى پەللىگە يەتكەن:[مىسال:] تېيىپجان ئېلىيېۋ قاتارلىق شائىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى شېئىرلىرىدىن رومال ئۇسسۇلىنىڭ ئەۋجلىك، لىرىك ئۇسسۇل ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

ئەۋرە

  • ئەۋرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەۋرىنىڭ بالىسى:[مىسال:] بۇ بالا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەۋرىسى بولىدۇ.

ئەۋرەت

  • ئەۋرەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە تەننىڭ كىشىگە كۆرسىتىشكە بولمايدىغان يېرى، يەنى ئەرلەرنىڭ كىندىكتىن تىزغىچە، ئاياللارنىڭ بىلەكنىڭ بېغىشىدىن بويۇنغىچە، بويۇندىن ئوشۇققىچە بولغان قىسمى.[يەشمىسى:] ② جىنسى ئەزا:[مىسال:] ئەۋرىتىنى ياپماق.

ئەۋرە-چەۋرە

  • ئەۋرە-چەۋرە[يەشمىسى:] ئەۋرە ۋە چەۋرە، ئادەمنىڭ ئۈچىنچى، تۆتىنچى پۇشتى؛ ئەۋلادى:[مىسال:] جالالىدىن بوۋاينىڭ توقساندىن ئارتۇق ئەۋرە-چەۋرىسى بار.

ئەۋرە-چەۋرىلىك

  • ئەۋرە-چەۋرىلىك[يەشمىسى:] ئەۋرە ھەم چەۋرىلىرى بار، كۆپ ئۇرۇق-ئاۋلادلىق:[مىسال:] ۋاي-ۋۇي ئۇنداقتا، كۆچىتىڭىز ئەۋرە-چەۋرىلىك بولۇپ كېتىدىكەن دە، دېدى ئۇ بوۋايغا.

ئەۋرەز

  • ئەۋرەز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆينىڭ ئىچىگە يۇيۇنۇش ئۈچۈن ياسالغان ئۈستى يېپىق ئورا:[مىسال:] ھىسامىدىن داموللىنىڭ ئەۋرىزى ئۈستىگە كۆك رەڭلىك سىدام پىششىق خىش ياتقۇزۇلغانىدى.

ئەۋرىشكە

  • ئەۋرىشكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈلگە قىلىنىدىغان بۇيۇم؛ ئۆرنەك، نۇسخا:[مىسال:] مال ئەۋرىشكىسى.

ئەۋرىشكىلىك

  • ئەۋرىشكىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەۋرىشكىسى بار، ئەۋرىشكە قىلىشقا تەييارلانغان:[مىسال:] ئەۋرىشكىلىك مال.

ئەۋرىشىم

  • ئەۋرىشىم[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىپەك، مەشۈت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئېگىلىشچان، نازۇك، زىلۋا:[مىسال:] ئەۋرىشىم بوي. * ئەرنىڭ كۆڭلى ئەۋرىشىم (ماقال).

ئەۋرىشىملىك

  • ئەۋرىشىملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇمشاقلىق، ئېلاستىكلىق، ئېگىلىشچانلىق:[مىسال:] بۇ مەزگىلدە ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەرىكەت پائالىيەتلىرىدىكى ئەۋرىشىملىك چوڭ بولىدۇ.

ئەۋزەلⅠ

  • ئەۋزەلⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ياخشى، ئەلا، ئوبدان، ئارتۇق:[مىسال:] مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەۋزەل (ماقال).

ئەۋزەلⅡ

  • ئەۋزەلⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① لاي ھەم گەجدىن كىچىك ھەم نازۇك قىلىپ ئىشلەنگەن ياكى ئىشىك-دېرىزىلەرنىڭ كېشىكىنىڭ يۈزى تەرىپىگە چىقىرىلغان پىلتا-ناۋا.[يەشمىسى:] ② پىلتا-ناۋا قاقىدىغان ئەسۋاب.

ئەۋزەللەشتۈرمەك

  • ئەۋزەللەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەۋزەللەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئەۋزەللەشتۈرۈشمەك

  • ئەۋزەللەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ئەۋزەللەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئەۋزەللەشتۈرۈلمەك

  • ئەۋزەللەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئەۋزەللەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەۋزەللەشمەك

  • ئەۋزەللەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەۋزەل بولماق، ياخشى بولماق، ئارتۇقلۇققا ئىگە بولماق.

ئەۋزەللىك

  • ئەۋزەللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەۋزەل شارائىت، ئەۋزەل خۇسۇسىيەت:[مىسال:] دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى بىر ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم.

ئەۋقاپ

  • ئەۋقاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] جامائەت ئىختىيارىغا ئۆتكەن، مەسچىت، مەدرىسىلەرگە ۋەخپە قىلىنغان مال-مۈلۈك، يەر-زېمىن ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر:[مىسال:] بىر ئاي دېگەن ئوتتۇز كۈن، بىر يىل دېگەن ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش كۈن، كۈنىگە بولمىدى دېگەندە ئۈچ-تۆت سەر تەڭگە تاپسا، جەملەپ كۆرۈڭلار قانچە بولۇپ كەتتى بۇنىڭدىن باشقا توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ، ئەۋقاپ كىرىمى قانچە بولىدۇ

ئەۋلاد

  • ئەۋلاد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىر ئاتا-بوۋىدىن تارقالغان ئۇرۇق-جەمەت، نەسىل:[مىسال:] باسىت بوۋاينىڭ يۈزدىن ئارتۇق نەۋرە-چەۋرىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۆت ئەۋلادى ئىككى يۈز يەتمىشتىن ئاشىدۇ.[يەشمىسى:] ② بىر دەۋردە ياشىغان كىشىلەرنىڭ نەسلى:[مىسال:] بۈگۈن چۈشەنمىسە ئەتە چۈشىنىدۇ. بۈگۈنكىلەر چۈشەنمىسە، كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلار چوقۇم چۈشىنىدۇ...[يەشمىسى:] ③ بىر دەۋردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كىشىلەر:[مىسال:] ياش ئەۋلاد. بىرىنچى ئەۋلاد.

ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا

  • ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا[يەشمىسى:] نەسىلدىن نەسىلگە، ئاتا-بوۋىدىن بالا-چاقىغا، بالىدىن بالىغا:[مىسال:] تۇردىئاخۇن ئاكا ھازىرمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ ئۇيغۇر مۇقامچىلىقىنىڭ پىر ئۇستازى. بىز ئۇنىڭدىن ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۆگىنىمىز.

ئەۋلادسىز

  • ئەۋلادسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەۋلادى، جەددى-جەمەتى بولمىغان؛ نەسلى يوق:[مىسال:]

  • مۇھەببەتسىز جەھەننەم دۇنيا،

  • چۆلگە ئوخشاش ئەۋلادسىز ھايات.

  • سېنىڭ مېھرىڭ ئۆچمەس ئوت گويا،

  • بولماس سەنسىز بازىرىم ئاۋات.

ئەۋلادسىزلىق

  • ئەۋلادسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەۋلاد قالدۇرماي يالغۇز ياشاش ھالىتى، پەرزەنتسىزلىك.

ئەۋلادلىق

  • ئەۋلادلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەۋلادى، جەددى-جەمەتى بار؛ بالىلىق، جەمەتلىك:[مىسال:] توختىئاخۇن بەك ئەۋلادلىق ئادەم. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەۋلادىنى بىر يەرگە يىغسا يۈزدىن ئاشىدۇ.

ئەۋلادمۇئەۋلاد

  • ئەۋلادمۇئەۋلاد[يەشمىسى:] بىر ئەۋلادتىن يەنە بىر ئەۋلادقىچە؛ بالىدىن بالىغىچە:[مىسال:] ئۇلۇغلارنىڭ نەسھىتى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىدۇ.

ئەۋلىيا

  • ئەۋلىيا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① ئېتىقادلىق، دىندار كىشىلەر نەزىرىدە گويا ئاجايىپ كارامەتلەرگە ئىگە، كارامەت كۆرسىتەلەيدىغان، مۆجىزىلەرنى يارىتالايدىغان مۇقەددەس، ئەزىز ئادەم:[مىسال:] ئۇ دەرەختىن چۈشۈپ سەپەرگە قاراپ: − مەن بۈگۈنگىچە ئەۋلىيالارنىڭ بۇنداق كارامەتلىرىنى كۆرگەن ئەمەس ئىدىم، − دەپتۇ. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گەپ، ۋەقە، ھادىسە قاتارلىقلارنىڭ مەنبەسىگە چۈشىنىپ يەتكەن؛ دانىشمەن، ئۇلۇغ ئادەم:[مىسال:] مەھمۇت قەشقەرى تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغ ئەۋلىيا، ئۇلۇغ شەخس.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇبالىغە، مەسخىرە قىلىشتا كىنايە ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] − بەللى، پاسارئاخۇن تازا ئەۋلىيا ئىكەنسىلە! چۈشۈڭلىگە نېمە كىرسە شۇنى دەمسىلە! − دېدى ھېكىم.

ئەۋلىيا-ئەنبىيا

  • ئەۋلىيا-ئەنبىيا[يەشمىسى:] ئەۋلىيا ۋە پەيغەمبەرلەر:[مىسال:] ئەۋلىيا-ئەنبىيالارنىڭ روھىغا ئاتاپ ماڭا ئەللىك تەڭگە سەدىقە بېرىسەن، دەپتۇ ھېلىقى كىشى.

ئەۋلىيالارچە

  • ئەۋلىيالارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئەۋلىيالارغا خاس، ئەۋلىيالارغا ئوخشاش، ئەۋلىيالاردەك.

ئەۋلىيالىق

  • ئەۋلىيالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەۋلىيالارغا خاس ئىش، خۇسۇسىيەت:[مىسال:] ئۇلار ياپياش بۇ چوكان نىمجان يىگىتكە بەند بولۇپ قالماس دەپ ئەۋلىيالىق قىلىشاتتى.

ئەۋمەك

  • ئەۋمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەندىشە قىلماق، ئۆيمەك، غەم قىلماق.

ئەيⅠ

  • ئەيⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قاتارغا قوشۇلۇش، ئاينىش، كۆكلەش، تۇتۇش (ئۆسۈملۈك ۋە باشقا جانلىقلارغا نىسبەتەن):[مىسال:] پەرۋىش قىلىش ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر يىلى كۆچەت قويۇلسىمۇ، ئەي بولماي كەلگەنىدى.[يەشمىسى:] ② كۈچ-قۇۋۋەت، ئوزۇقلۇق، ئوغۇت:[مىسال:] ئەي بەرمەك. ئەي قىلماق.

ئەيⅡ

  • ئەيⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] زوقلىنىش، ھاياجانلىنىش، ھېسداشلىق، غەزەپلىنىش، پۇشايمان قىلىش قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ، تىلدىكى «ھەي» بىلەن تەڭ:[مىسال:] سالام، ئەي مويسىپىتلەر، پېشقەدەم ئۇستاز باھار بوستانىدا سايرايلى خۇش ئاۋاز

ئەيان

  • ئەيان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] يۇقىرى مەنسەپلىك، مەرتىۋىلىك كىشىلەر؛ ئەمەلدارلار، خوجايىنلار:[مىسال:] ماڭا ئېگىلىپ توققۇز تەزىم قىلىدىغان، ئەجرى ئۈچۈن ئىنئام-مۇكاپاتقا غەرق بولغان ئوردا ئەيانلىرىم مەندىن يۈز ئۆرىدى.

ئەيتاۋۇر

  • ئەيتاۋۇر[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] ئىشقىلىپ، ھەر ھالدا، قانداقتۇر:[مىسال:] ئۇنى ئەيتاۋۇر كىشىلەرنىڭ ئۇرغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

ئەيدۈرمەك

  • ئەيدۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەيمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئەيش

  • ئەيش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھۇزۇر-ھالاۋەت، پاراغەت، لەززەت:[مىسال:] كەلدى نورۇز، كەلدى بۈگۈن، ئەيش بىنا ئەتكىلى، بارچە ئادەم كۆڭلىنى، شادۇخۇرام ئەتكىلى.[يەشمىسى:] ② كەيپ-ساپا، مەيخورلۇق، ئىشرەت:[مىسال:] ئەي پەلەك، چەرخى بۇزۇق، قىلغان ئىشىڭ ئېيتسام ئەگەر، بىۋاپا ئالەمدە ئىشرەت ئەيشىنى نادان سۈرەر.

ئەيش-ئىشرەت

  • ئەيش-ئىشرەت[يەشمىسى:] شەھۋانىيلىق، كۆڭۈل ئېچىش، كەيپ-ساپا، مەيخورلۇق:[مىسال:] باينىڭ ئىچكىرىكى قورۇسىدىكى ھەشەمەتلىك ئۆيلەردىن ئەيش-ئىشرەت قىلىۋاتقانلارنىڭ سەت كۈلكىلىرى ئۇزاققىچە ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

ئەيش-ئىشرەتلىك

  • ئەيش-ئىشرەتلىك[يەشمىسى:] ئەيش-ئىشرىتى بار، ئىشرەتكە تولغان:[مىسال:] ۋاڭنىڭ ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇشى ئەنە شۇنداق يىللاپ-يىللاپ داۋام قىلاتتى.

ئەيلەتمەكⅠ

  • ئەيلەتمەكⅠ[يەشمىسى:] «ئەيلىمەكⅠ»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قاسىم تېرىلەرنى شەخسلەرگە ھۆددىگە بېرىپ سۈپەتلىك ئەيلىتىپ بولدى.

ئەيلەتمەكⅡ

  • ئەيلەتمەكⅡ[يەشمىسى:] «ئەيلىمەكⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:]

  • سۆيگۈدىن سالدى ئەل ئاسفالت يولغا،

  • قەلبىدەك غۇبارسىز پاياندازىنى،

  • گۈلدەستە تۇتۇشتى بىزگە ھەۋەستە،

  • ئەيلىتىپ جەۋلان ئۇز باھار، يازىنى.

ئەيلەشمەكⅠ

  • ئەيلەشمەكⅠ[يەشمىسى:] «ئەيلىمەكⅠ» پېئىلنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئاشتىن چىققان تېرىلەرنى سۈپەتكە كېپىللىك قىلىش شەرتى بىلەن ھۆددىگە ئېلىپ بەس-بەس بىلەن ئەيلەشتى.

ئەيلەشمەكⅡ

  • ئەيلەشمەكⅡ[يەشمىسى:] «ئەيلىمەكⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كونا جەمئىيەتتە ئەجنەبىي مۇغەمبەرلەر ئوغرىدەك قەست ئەيلىشىپ، جۇڭگونىڭ پۇت-قولىغا گاڭ چېتىقىنى چاتقانىدى.

ئەيلەمچى

  • ئەيلەمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەيلەش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى.

ئەيلەنمەكⅠ

  • ئەيلەنمەكⅠ[يەشمىسى:] «ئەيلىمەكⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەيلەنگەن ئۆچكە تېرىسى سېلىنغان كاڭنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان باي بېشىنى سىلپ-ئەسنەپ تورۇسقا قارىدى.

ئەيلەنمەكⅡ

  • ئەيلەنمەكⅡ[يەشمىسى:] «ئەيلىمەكⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئەيلىبان

  • ئەيلىبان[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئەيلەپ، ئەيلەش بىلەن:[مىسال:] تەپەككۇر ئەيلىبان ئەجدادلىرىم پۈتكەن شۇ تارىخنى، دېدىم: «زۈلمەتكە مىڭ لەنەت» تولۇپ قۇدرەتكە-دەرمانغا.

ئەيلىگۈچ

  • ئەيلىگۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاشلانغان تېرىلەرنىڭ يۈزىنى قىرىپ، ئاقارتىپ، يۇمشىتىش، سىلىقلاش ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان تىغلىق سايمان.

ئەيلىمەكⅠ

  • ئەيلىمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تېرە، خېمىر قاتارلىقلارنى پىشۇرماق، پىششىقلىماق:[مىسال:] تېرىنى ئەيلىمەك، خېمىرنى ئەيلىمەك.

ئەيلىمەكⅡ

  • ئەيلىمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يازما ئەدەبىياتتا«قىلماق»، «ئەتمەك» رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] بىر بۇرادەر ئۆمرىدە كۆپرەك خۇشامەت ئەيلىدى. بۇ «ھۈنەر» نى ئۆزىگە باب ھەمدە ئامەت ئەيلىدى.

ئەيمەك

  • ئەيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يۇمشىماق، ئىۋىمەك.

ئەيمەندۈرمەك

  • ئەيمەندۈرمەك[يەشمىسى:] «ئەيمەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن شۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا، ماھىرەنىڭ چىرايىدىن كۈلكە ئۆچكەن بولۇپ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئادەمنى ئەيمەندۈرگۈدەك ئوت چاقنايتتى.

ئەيمەنمەك

  • ئەيمەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ھايا قىلماق، تارتىنماق، قورۇنماق:[مىسال:] خىجىلمەن، گەپنىڭ بولار يېرىنى ئېيتسام، ساڭا ئوچۇق پىكىر بېرىشتىن ئەيمىنىمەن.[يەشمىسى:] ② ھېيىقماق، تەپ تارتماق، قورقماق، سۈر باسماق:[مىسال:] سەمەتنىڭ شۇنداق تەرسالىقى تۇتتىكى، بەش ئادەم ئەيمىنىپ ئۇنىڭ ئالدىغا بارالمىدى.

ئەيمىنەرلىك

  • ئەيمىنەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەيمىنىشكە، تارتىنىشقا ئەرزىيدىغان، ئەيمەنگۈدەك.

ئەيمىنىشمەك

  • ئەيمىنىشمەك[يەشمىسى:] «ئەيمەنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بوۋاي بىلەن موماي ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىدىن ئەيمىنىشىپ، نېمە قىلىشىنى بىلمەي، گۈللۈك ئارىسىغا يوشۇرۇنۇشۇپتۇ.

ئەينەك

  • ئەينەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قاتتىق ۋە چۈرۈك بولغان بىر خىل سۈزۈك جىسىم، ئۇ ئادەتتە كۋارتسلىق قۇم، ھاك تاش، ساپ ئىشقار قاتارلىقلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئاستىدا ئېرىتىلگەندىن كېيىن ياسىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② قارشىسىدىكى نەرسىلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئادەتتە كىشىلەر ئۆز ئەكسىنى كۆرىدىغان، ئارقىسى سىرلانغان مەخسۇس شېشە:[مىسال:] مەلىكە ئۇنى كۆرۈپ ئورنىدىن قوپۇپتۇ، يانچۇقىدىن ئەينەكنى ئېلىپ، ئاۋۋال ئەينەكنىڭ ئالدىنى، كېيىن ئارقىسىنى كۆرسىتىپتۇ.[يەشمىسى:] ③ يىراقتىكى نەرسىلەرنى يېقىنلاشتۇرۇپ كۆرسىتىدىغان، كىچىك نەرسىلەرنى چوڭايتىپ كۆرسىتىدىغان، كۆزىنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ بېرىدىغان مەخسۇس شېشە ئەسۋاب:[مىسال:] بۈگۈنكى ئالىملار ئاسماننى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاسترونومىيە ئەينىكى ئىجاد قىلدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ھالەتنى، ھادىسىنى كۆز ئالدىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ ياكى يورۇتۇپ تۇرغان نەرسە؛ ئۈلگە، نەمۇنە:[مىسال:] تۇرغۇن ھەقىقەتەن قەيسەر جەڭچى. ئۇنىڭ پەزىلىتى مەن ئۈچۈن ئەينەك.[يەشمىسى:] ⑤ كۆزگە تاقايدىغان ئەينەك (كۆزەينەك):[مىسال:] ئۇ ئەينەكسىز خەت كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى.

ئەينەكچى

  • ئەينەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەينەك سېلىش، سېتىش ۋە ئۇنى خىلمۇخىل شەكىلگە كەلتۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغۇچى:[مىسال:] شەھەردىن تەكلىپ قىلىنغان ئەينەكچىلەر ئىمارەتنىڭ دېرىزىلىرىگە ئەينەك سېلىۋاتىدۇ.

ئەينەكچىلىك

  • ئەينەكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۆي-ئىمارەت دېرىزىلىرىگە، ئىشكاپ، جاھازلارغا ئەينەك سېلىش ۋە قۇراشتۇرۇش ئىشى، شۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى:[مىسال:] دادام ئەينەكچىلىك قىلاتتى.[يەشمىسى:] ② ھەر خىل ئەينەك بۇيۇملارنى ياساش مەشغۇلاتى.

ئەينەكسىز

  • ئەينەكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەينىكى يوق، ئەينەك ئورناتمىغان.

ئەينەكسىزلەنمەك

  • ئەينەكسىزلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەينەكسىز ھالەتكە كەلمەك، قارشىسىدىكى نەرسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئىقتىدارىنى يوقاتماق.

ئەينەكسىزلىنىش

  • ئەينەكسىزلىنىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ماگمىلىق جىنسلاردىكى تۇراقسىز ھالەتتە تۇرغان ئەينەك ماددىسى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ۋە بېسىم، تېمپېراتۇرا قاتارلىق فىزىكىلىق شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ كرىستالغا ئايلىنىش ھادىسىسى.

ئەينەكسىمان

  • ئەينەكسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەينەك شەكىللىك، ئەينەككە ئوخشايدىغان، ئەينەكتەك:[مىسال:] ئەينەكسىمان تاختا.

ئەينەكلىك

  • ئەينەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئەينىكى بار، ئەينەك سېلىنغان، ئەينەك ئورنىتىلغان:[مىسال:] ئەينەكلىك ئىشىك. ئەينەكلىك دېرىزە.[يەشمىسى:] ② ئەينەك تاقىغان، ئەينەككە ئىگە:[مىسال:] ئەينەكلىك دوختۇر كۆزىدىن ئەينىكىنى ئېلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

ئەينەن

  • ئەينەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھېچقانداق ئۆزگىرىشسىز، ئۆز پېتىچە، ئەينى بىلەن:[مىسال:] ھايال ئۆتمەي ھېلىقى ئەقىللىق ئادەم دوستى بىلەن بىللە بېرىپ، بۇ ئىشنى قازىغا ئەينەن مەلۇم قىلدى.[يەشمىسى:] ② دەل، نەق:[مىسال:] بۇ ئادەم ئورۇق، يىرگىنچلىك روزەك بەزنىڭ ئەينەن ئۆزى.

ئەينەنسىز

  • ئەينەنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەينەن ئەمەس، ئەينى بولمىغان.

ئەينەنسىزلىك

  • ئەينەنسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەينەن بولمىغان ھالەت.

ئەينەنلىك

  • ئەينەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەينەن بولغان ھالەت:[مىسال:] ئۇنىڭ مەزمۇن ۋە بەدىئىي قۇرۇلمىسى جەھەتتىكى ئەينەنلىكىنى تولۇق ساقلاپ قالدىم.

ئەينۇ

  • ئەينۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ساختىپەز، ئالدامچى، قىزىل كۆز؛ كاززاپ.

ئەينۇلا

  • ئەينۇلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. سورتلىرى كۆپ بولۇپ، سوغۇققا چىداملىق؛ يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكىللىك؛ باھاردا چېچەكلەيدۇ، خۇشبۇي پۇرايدۇ؛ مېۋىسى شار شەكىلدە، رەڭگى يېشىل، پىشقاندا سېرىققا ئۆزگىرىدۇ، تەمى چۈچۈمەل بولىدۇ:[مىسال:] ئەينۇلا مۇرابباسى.[يەشمىسى:] ② شۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

ئەينۇلىلىق

  • ئەينۇلىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئەينۇلا دەرىخى بار، ئەينۇلا دەرىخى ئۆستۈرۈلگەن:[مىسال:] ئەينۇلىلىق باغ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەينۇلا دەرىخى ئۆستۈرۈلگەن يەر، مەيدان، باغ.

ئەينى

  • ئەينى[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دەل ئۆزى، ئەسلىسى، نەق ئۆزى، ئەسلىي:[مىسال:] ئەينى ئەھۋال. ئەينى ھالەت. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] شۇ، ئۆتكەن:[مىسال:] ئەينى چاغ. ئەينى ۋاقىت. ئەينى زامان. ئەينى يىل.

ئەينىيەت

  • ئەينىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئەينەن، ئوخشاشلىق، بىر خىللىق، بىردەكلىك:[مىسال:] ئەينىيەت قانۇنىيىتى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تەركىبىدىكى بارلىق ھەرپ بەلگىلىرىنىڭ ھەممە قىممەتلىرىدە مۇتلەق ئۆزگەرمەيدىغان تەڭلىك، ئوخشاشلىق.

ئەيۋەش

  • ئەيۋەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆپرەك «كەلمەك» ياردەمچى پېئىلى بىلەن بىللە كېلىپ پەيلىدىن يانماق، يولغا كىرمەك، پەسكويغا چۈشمەك، ماقۇل بولماق، ئۇنىماق، كۆنمەك» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىلمەمسىز، سادىرمۇ ئەيۋەشكە كەلدى. قېنى، ماڭا قانچىلىك نەپ بېرىسىز * بۇنىڭ ئۈچۈن ئەزالار بۇرۇن تاشلىۋېتىلگەن ئۈنۈمسىز يەرلەرنى قايتىدىن ئەيۋەشكە كەلتۈردى.

ئەيىب

  • ئەيىب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① قائىدە-يوسۇنغا، تەرتىپ-ئىنتىزامغا، ئەدەب-ئەخلاققا خىلاپ ئىش؛ كەمچىلىك، سەۋەنلىك:[مىسال:] بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس. تىرىشماسلىق ئەيىب (ماقال). * ئۆزىنىڭ ئەيىبى ئۆزىگە كۆرۈنمەس، كۆزىنىڭ ئەيىبى كۆزىگە كۆرۈنمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ② كىشى ئۇيىلىدىغان، نومۇس قىلىدىغان، خىجالەت تارتىدىغان خاتا ھەرىكەت؛ ناچار قىلىق، بولمىغۇر ئادەت:[مىسال:] سىز دەرسىز، يىگىتكە ياش تۆكمەك ئەيىب، بىلىمەن نومۇسى كۆز ياش يىگىتنىڭ، ئېسىمدە ئاتاممۇ ئېيتقان ئۆلۈمگە رازى بول ۋە ئەمما تۆكمە كۆز يېشىڭ[يەشمىسى:] ③ نۇقسان، قۇسۇر، ئىللەت، جىسمانىي كەمتۈكلۈك:[مىسال:] غېمى يوق ئىنسان بولماس، ئەيىبى يوق ھايۋان بولماس (ماقال).

ئەيىبدار

  • ئەيىبدار[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەيىبى، نۇقسانى بار، ئەيىبلەنگۈچى، گۇناھكار شەخس:[مىسال:] ساقچى ئەيىبدارنى سوت مەيدانىغا ئېلىپ باردى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىسمانىي جەھەتتىن بىرەر كەمچىلىك، نۇقسانى، ئىللىتى بولغان، ئەيىبناق، ئەيىبلىك:[مىسال:] ئەيىبدار بالا.

ئەيىبدارلىق

  • ئەيىبدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەيىبلىنىش ھالىتى، ئەيىبلىنىش ئىشى؛ جاۋابكارلىق.

ئەيىبسىز

  • ئەيىبسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئەيىبى يوق، گۇناھسىز:[مىسال:] ئەيىبسىز دوستنى ئىزدىگەن دوستسىز قالار (ماقال).[يەشمىسى:] ② جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام، نۇقسانسىز:[مىسال:] يالقۇن ھەر جەھەتتىن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلارلىق دەرىجىدە ئەيىبسىز يىگىت بولدى.

ئەيىبسىزلىك

  • ئەيىبسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەيىبسىز ھالەت، ئەيىبسىز خۇسۇسىيەت.

ئەيىبكار

  • ئەيىبكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] خاتالىق ئۆتكۈزۈپ جىنايەت سادىر قىلغان، قانۇن ئالدىدا ئەيىبلەنگەن كىشى؛ گۇناھكار، جاۋابكار:[مىسال:] ئەسقەر شوخلۇق قىلىپ بىكاردىن-بىكار ئەيىبكار بولۇپ قالدى.

ئەيىبكارلىق

  • ئەيىبكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خاتالىق ۋە جىنايەتلىرىدىن، ھېساب بېرىشى كېرەك بولغان مەسئۇلىيەت؛ جاۋابكارلىق.

ئەيىبلەشمەك

  • ئەيىبلەشمەك[يەشمىسى:] «ئەيىبلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مېنى بەزى كىشىلەر «سەندە ئۆز كەسپىڭگە بولغان مۇھەببەت كەم» دەپ ئەيىبلىشىدۇ.

ئەيىبلەنمەك

  • ئەيىبلەنمەك[يەشمىسى:] «ئەيىبلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] سادىق يىغىن قاتناشچىلىرى تەرىپىدىن «ئوڭچىل ئىدىيىسى بار»، «دۇنيا قارىشىنى ياخشى ئۆزگەرتمىگەن زىيالىي» دەپ ئەيىبلەندى.

ئەيىبلەنگۈچى

  • ئەيىبلەنگۈچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغان شەخس.

ئەيىبلىك

  • ئەيىبلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەيىبى بار، ئەيىب دەپ قارىلىدىغان ئىشنى قىلغان؛ جاۋابكار:[مىسال:] زەيتۇنىخان بۇ ئىشتا ئۆزىنىڭ ئەيىبلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۈن چىقارماستىن جىملا ئولتۇردى.

ئەيىبلىگۈچى

  • ئەيىبلىگۈچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] دۆلەتكە ۋاكالىتەن سوت مەھكىمىسىدە جىنايى ئىش يۈزىسىدىن ئەيىبلەش پىكرىنى قۇۋۋەتلەيدىغان شەخس.

ئەيىبلىمەك

  • ئەيىبلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئەيىبلىك دەپ تونۇماق:[مىسال:] ئۇلارنى كىم خاتىرىلەيدۇ ھېچكىم ھەتتا ئۇلارنى مۇشۇ قىسمەتكە مۇپتىلا قىلغانلارمۇ خاتىرىلىمەيدۇ، بەلكى تىللايدۇ، ئەيىبلەيدۇ.[يەشمىسى:] ② تەنقىد قىلماق:[مىسال:] بىر يىلدىن بېرى مەتيا قەيسەرنىڭ ئەيىبلەشلىرىدىن خېلى قۇتۇلۇپ قالغانىدى.

ئەيىبناق

  • ئەيىبناق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىز، بىرەر ئەزاسىدا كەمچىلىكى، نۇقسانى، ئىللىتى بار؛ مېيىپ، مەجرۇھ:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ مېنى يەرگە قاتتىق ئۇرۇپ ئەيىبناق قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم.

ئەيىبنامە

  • ئەيىبنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئەيىب+نامە[[يەشمىسى:] بىرەر خاتا ئىش-ھەرىكەت ياكى جىنايى قىلمىشنى پاش قىلىش ھەققىدىكى شىكايەت خېتى، ھۆججەت قاتارلىقلار:[مىسال:] ھېلىقى كىشى سېرىق ياسىما چىشلىرىنى كۆرسىتىپ، ئەيىبنامىنى ئوقۇشقا باشلىدى.

ئەييام

  • ئەييام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] كۈن، كۈنلەر، ۋاقىت، ۋاقىتلار:[مىسال:] ئارچىلار شىلدىرلىدى، قۇشقاچلار كۆككە ئۆرلىدى، قوشۇلۇش ئەييامىنى تورغايلار خەندان كۈيلىدى.[يەشمىسى:] ② بايرام، بايرام كۈنلىرى:[مىسال:]

  • ئەي ۋەتەن پەرزەنتلىرى، بايرىمىڭىز مۇبارەك،

  • خۇشال-شاد ئۆتۈۋاتقان ئەييامىڭىز مۇبارەك.

ئەييۇھەنناس

  • ئەييۇھەنناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① كۆپچىلىككە، توپلانغان، جەم بولغان خالايىققا قارىتا قىلىنىدىغان خىتاب، نىدا؛ ئەي خالايىق، ئەي ئادەملەر:[مىسال:] موللازەيدىن يەنە جاكارلاپ مۇنداق دېدى:-ئەييۇھەنناس-ئىشىتىڭلار ئامۇخاس، گۇناھ رىيا بولسىمۇ، جازا دېگەن راست.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھاياجان، قايغۇ، غەزەپ ۋە ئازابلىنىش تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان داد-پەرياد، شاۋقۇن-سۈرەن، كۈچلۈك ئاۋاز:[مىسال:] كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىدىم، ئەييۇھەنناس، تامنىڭ تۆشۈكلىرىدىن يوغان-يوغان يىلانلار باشلىرىنى چىقىرىپ، كۇشۇلدىشىپ تۇرمامدۇ، بەدەنلىرىم شۈركۈنۈپ كەتتى.