ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

28 ئۈ 🔗

ئۈ

ئۈتلەتمەك

ئۈتلەشمەك

ئۈتلەنمەك

ئۈتلىمەك

ئۈجەن

ئۈجمە

ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش دېمەك

ئۈجمە كۆڭۈل

ئۈجمەڭنى تېرىپ يە

ئۈجمىلىك

ئۈجمىلىك باغقا كىرىپ قالماق

ئۈجۈرەⅠ

ئۈجۈرەⅡ

ئۈجۈك

ئۈچ

ئۈچ بۇلۇڭ

ئۈچ تالاق

ئۈچ تالاق قىلماق

ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپا

ئۈچ نەزىر

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى

ئۈچ يۈز ئاتمىش كۈن

ئۈچەك

ئۈچەككە كىرىش

ئۈچەي

ئۈچەيلىرى تارتىشىپ كەتمەك

ئۈچىيى دۈمبىسىگە چاپلىشىپ قالماق

ئۈچىيى قىسقا

ئۈچىيى ئۈزۈلگۈدەك

ئۈچەي-باغىر

ئۈچەي-باغرىنى سىيرىماق

ئۈچەي-قېرىن

ئۈچەي-قېرىنىنى تۆكمەك

ئۈچەيلەن

ئۈچقات

ئۈچقۇلاق

ئۈچكە

ئۈچكېزەك

ئۈچكىلىك

ئۈچلەمچى

ئۈچلەمچى دەۋر

ئۈچلۈك

ئۈچۈن

ئۈچىنچى

ئۈچىنچى دەۋر

ئۈچىنچى كەسىپ

ئۈدۈسكىلىمەك

ئۈدۈكلىمەك

ئۈدۈگەن

ئۈدۈمەك

ئۈر

ئۈرە

ئۈرە بولماق

ئۈرەن

ئۈرەنلىك

ئۈركۈتمەك

ئۈركۈتۈلمەك

ئۈركۈشمەك

ئۈركۈگەك

ئۈركۈمەكⅠ

ئۈركۈمەكⅡ

ئۈرگۈنە

ئۈرمەك

ئۈز

ئۈزەڭگە

ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرماق

ئۈزەڭگىلىك

ئۈزبەر

ئۈزدۈرمەكⅠ

ئۈزدۈرمەكⅡ

ئۈزرە

ئۈزگۈچى

ئۈزلۈكسىز

ئۈزمەكⅠ

ئۈزۈپ ئېيتماق

ئۈزمەكⅡ

ئۈزۈپ چىقماق

ئۈزۈتلۈك

ئۈزۈشمەكⅠ

ئۈزۈشمەكⅡ

ئۈزۈك Ⅰ

ئۈزۈك تاۋۇش

ئۈزۈكⅡ

ئۈزۈكچىلىك

ئۈزۈكلۈك

ئۈزۈل-كېسىل

ئۈزۈل-كېسىللىك

ئۈزۈلمە

ئۈزۈلمەك

ئۈزۈلۈپ قالماق

ئۈزۈلمەي

ئۈزۈلۈشچان

ئۈزۈلۈشچانلىق

ئۈزۈلۈشمەك

ئۈزۈم

ئۈزۈمچى

ئۈزۈمچىلىك

ئۈزۈمگۈل

ئۈزۈملۈك

ئۈزۈندى

ئۈست (ى)

ئۈستىدىن چۈشمەك

ئۈستىگە چۈشمەك

ئۈستەك

ئۈستەل

ئۈستقۇرۇلما

ئۈستكى

ئۈستلىمە

ئۈستمۇئۈست

ئۈستۈرمەك

ئۈستۈرۈلمەك

ئۈستۈن

ئۈستۈن تۇرماق

ئۈستۈن قويماق

ئۈستۈن كەلمەك

ئۈستۈنكى

ئۈستۈنلۈك

ئۈستۋاش

ئۈستىدە

ئۈستىقۇددۇس

ئۈستىلەپ

ئۈستى-ئۈستىگە

ئۈستى-ئۈستىلەپ

ئۈسكەكⅠ

ئۈسكەكⅡ

ئۈسكەن

ئۈسكۈنە

ئۈسكۈنىلەشتۈرمەك

ئۈسكۈنىلەشتۈرۈلمەك

ئۈسكۈنىلەشمەك

ئۈسكۈنىلىك

ئۈسمەك

ئۈسۈپ كىرمەك

ئۈسۈشمەك

ئۈشتە

ئۈشتە قىلماق

ئۈشتىگەر

ئۈششۈك

ئۈششۈمەك

ئۈشقىرتماق

ئۈشقىرتىشماق

ئۈشقىرماق

ئۈشكە

ئۈشكۈرمەك

ئۈشكىلەتمەك

ئۈشكىلەشمەك

ئۈشكىلەنمەك

ئۈشكىلىمەك

ئۈكە

ئۈكەر

ئۈكەلىك

ئۈگە

ئۈگدەتمەك

ئۈگدەشمەك

ئۈگدەك

ئۈگدىمەك

ئۈگرە

ئۈگرىچى

ئۈگۈتⅠ

ئۈگۈتⅡ

ئۈگۈتچى

ئۈگۈت-نەسىھەت

ئۈگۈچ

ئۈگۈچەكلىك

ئۈگۈچلىمەك

ئۈگىلىك

ئۈلەشتۈرمەك

ئۈلەشتۈرۈشمەك

ئۈلەشتۈرۈلمەك

ئۈلەشمەك

ئۈلپەت

ئۈلپەتچىلىك

ئۈلپەتلەشمەك

ئۈلپەتلىك

ئۈلگە

ئۈلگۈجە

ئۈلگۈجەك

ئۈلگۈدىمەك

ئۈلگۈرتمەك

ئۈلگۈرمەك

ئۈلگۈرۈشمەك

ئۈلگۈمەك

ئۈلگىلىك

ئۈلۈش

ئۈلۈشكۈن

ئۈلۈشكۈنكى

ئۈلۈشيىل

ئۈلۈشيىلقى

ئۈمتۈلمەك

ئۈمچەيتمەك

ئۈمچەيتىشمەك

ئۈمچەيمەك

ئۈمچىيىشمەك

ئۈممەت

ئۈمىد

ئۈمىد-ئارزۇ

ئۈمىدسىز

ئۈمىدسىزلەرچە

ئۈمىدسىزلەندۈرمەك

ئۈمىدسىزلەنمەك

ئۈمىدسىزلىك

ئۈمىدسىزلىنىشمەك

ئۈمىدلەندۈرمەك

ئۈمىدلەنمەك

ئۈمىدلىك

ئۈمىدۋار

ئۈمىدۋارلىق

ئۈن

ئۈن سالماق

ئۈن قاتماق

ئۈنۈڭنى ئۆچۈر

ئۈنى پۈتمەك

ئۈنى ئۆچمەك

ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتمەك

ئۈن يېتىم يەر

ئۈنئالغۇ

ئۈن-تىن

ئۈن-تىن چىقارماسلىق

ئۈن-تىن دېمەسلىك

ئۈن-تىنى يوق

ئۈن-تىنسىز

ئۈنچە

ئۈنچە-مارجان

ئۈنچە-مەرۋايىت

ئۈنچۈك

ئۈنچىقماس

ئۈندەتمەك

ئۈندەش

ئۈندەش بەلگىسى

ئۈندەش جۈملە

ئۈندەش سۆزلەر

ئۈندەشمەك

ئۈندەك

ئۈندەككە كەلمەك

ئۈندەلمەك

ئۈندۈرمە

ئۈندۈرمەك

ئۈندۈرۈشمەك

ئۈندۈرۈلمەك

ئۈندىمەس

ئۈندىمەك

ئۈندىمەي

ئۈنسىز

ئۈنلەپ

ئۈنلەتمەك

ئۈنلەشمەك

ئۈنلۈك

ئۈنلۈكلەشمەك

ئۈنلىمەك

ئۈنمەك

ئۈنۈم

ئۈنۈمدار

ئۈنۈمدارلىق

ئۈنۈمسىز

ئۈنۈمسىزلىك

ئۈنۈملۈك

ئۈيۈر

ئىزاھى

ئۈ

  • ئۈ[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ يىگىرمە سەككىزىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن يىگىرمە سەككىزىنچىنى بىلدۈرىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.

  • «ئۇ» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «ئۈ∥ۈ»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ئۈ»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ۈ∥ئۈ» ئوقۇلۇشى ياكى نامى «ئۈ».

  • «ئۈ» تاۋۇشى تەلەپپۇز قىلغاندا پەيدا بولۇش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن سوزۇق تاۋۇشقا تەۋە بولۇپ، ئۇ تىل ئورنى ۋە تىلدىكى رولى جەھەتتىن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش، لەۋ ھالىتى جەھەتتىن لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئېچىلىش-يېپىلىش دەرىجىسىنىڭ چوڭ-كىچىكىلىكى جەھەتتىن ئېگىز سوزۇق تاۋۇش.

  • «ئۈ» تاۋۇشىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى

  • ئىككىنچى بوغۇمى ئېگىز سوزۇق تاۋۇش «ئۈ» بىلەن تۈزۈلگەن سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، ئىككىنچى بوغۇم ئۇرغۇسىنى يوقاتسا «ئۈ» تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئەسلى ئۈچ بوغۇم بولىدىغان سۆزلەر ئىككى بوغۇم بويىچە قالىدۇ. مۇنداق سۆزلەر ئىملادا چۈشۈپ قالغىنى بويىچە يېزىلىدۇ ۋە شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • كۆڭۈل + ۇم = كۆڭلۈم

  • ئۆمۈر + ۈڭ = ئۆرۈڭ

ئۈتلەتمەك

  • ئۈتلەتمەك[يەشمىسى:] «ئۈتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئۈتلەشمەك

  • ئۈتلەشمەك[يەشمىسى:] «ئۈتلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۈتلەنمەك

  • ئۈتلەنمەك[يەشمىسى:] «ئۈتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئۈتلىمەك

  • ئۈتلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قوي ۋە كالىنىڭ باش-پاقالچاقلىرىنى ئوتقا تۇتۇپ، تۈكلىرىنى كۆيدۈرۈپ تازىلىماق؛ قۇيقىلىماق:[مىسال:] كاللا ئۈتلىمەك. باش-شىراق ئۈتلىمەك.

ئۈجەن

  • ئۈجەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھايۋانلارنىڭ قۇيرۇق ئومۇرتقىسى.

ئۈجمە

  • ئۈجمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئۈجمە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. مېۋىسى ئاق ياكى قارا قوڭۇر بولۇپ، تاتلىق كېلىدۇ. ئادەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ. يۇمران شېخى، يىلتىز پوستى، يوپۇرمىقى ۋە مېۋىسى دورا قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش دېمەك

  • ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش دېمەك[يەشمىسى:] ئەمگەك قىلماي، تەييارنى يەپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلماق:[مىسال:] ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش دەيدىغانلارغا زادى ياخشى كۈن يوق.

ئۈجمە كۆڭۈل

  • ئۈجمە كۆڭۈل[يەشمىسى:] ئوي-تۇيغۇسىنىڭ تايىنى يوق، شاختىن-شاخقا قونۇپ يۈرىدىغان، تۇراقسىز؛ مەۋقەسى يوق:[مىسال:] بەزى ئۈجمە كۆڭۈل كىشىلەر توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇشقا ئەرزىمەيدۇ.

ئۈجمەڭنى تېرىپ يە

  • ئۈجمەڭنى تېرىپ يە[يەشمىسى:] «ئىشىڭنى قىل، ئۆز ئىشىڭ بىلەن بول، ئۆزگىنىڭ ئىشى بىلەن كارىڭ بولمىسۇن» دېگەن مەنىلەردىكى ئىبارە:[مىسال:] ئارتۇق گېپىڭنى قوي، بېرىپ ئۈجمەڭنى تېرىپ يە، يالىقىڭنى يالاپ يۈرىۋەر.

ئۈجمىلىك

  • ئۈجمىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈجمە دەرىخى بار، ئۈجمە كۆپ ئۆستۈرۈلگەن:[مىسال:] ئۈجمىلىك جاي.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈجمە دەرىخى كۆپ ئۆستۈرۈلگەن، ئۈجمە دەرىخى تولا يەر:[مىسال:] بۇ يەرلەر ئون يىلدىن كېيىن ئۈجمىلىككە ئايلىنىپ كېتىپتۇ.

ئۈجمىلىك باغقا كىرىپ قالماق

  • ئۈجمىلىك باغقا كىرىپ قالماق[يەشمىسى:] قايسىسىنى ئېلىپ، قايسىسىنى قويۇشنى بىلمەي قالماق:[مىسال:] ئۇ بۇ ماگىزىنغا كىرىپ، ئۈجمىلىك باغقا كىرىپ قالغاندەك بولدى.

ئۈجۈرەⅠ

  • ئۈجۈرەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جورا، جۈپ، تەڭداش.

ئۈجۈرەⅡ

  • ئۈجۈرەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشلەنگەن ئىش، ئەمگەك؛ ئەجىر.

ئۈجۈك

  • ئۈجۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چۇچاق.

ئۈچ

  • ئۈچ[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] ئىككىدىن كېيىن، تۆتتىن ئاۋۋال كېلىدىغان سان ۋە ساننى بىلدۈرگەن «3» رەقىمى؛ ئىككىگە بىر قوشۇلغاندا ھاسىل بولىدىغان سان.

ئۈچ بۇلۇڭ

  • ئۈچ بۇلۇڭ[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئۈچ تەرەپكە ئىگە بولغان كۆپ تەرەپلىك. بۇنىڭدىكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى ئۈچ بۇلۇڭنىڭ چوققىلىرى دېيىلىدۇ.

ئۈچ تالاق

  • ئۈچ تالاق[يەشمىسى:] كونا ئادەت بويىچە ئەر تەرىپىدىن ئايالغا نىكاھنى بۇزغانلىقىنى، ئاجراشقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بولۇپ، «تالاق» قا قارىغاندا ۋەزنى تېخىمۇ ئېغىر.

ئۈچ تالاق قىلماق

  • ئۈچ تالاق قىلماق[يەشمىسى:] ئەر خوتۇنىغا ئۈچ قېتىم تالاق دەپ ئۇنىڭ بىلەن ئۈزۈل-كېسىل ئاجراشقانلىقىنى جاكارلىماق:[مىسال:] بۈگۈنلا خېتىنى بېرىمەن. ئۈچ تالاق قىلىمەن، دېدى قوباق ئايالنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ.

ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپا

  • ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپا[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئۈچ دانە ئېلېكتر قۇتۇبى بولغان لامپا. ئۈچ قۇتۇپلۇق ئېلېكترون لامپا ئانود، تور قۇتۇپ، كاتودلاردىن تەشكىل تاپىدۇ؛ ئۈچ قۇتۇپلۇق كرىستال لامپا تارقاتقۇچى قۇتۇپ، ئاساس قۇتۇپ، يىغقۇچى قۇتۇپلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.

ئۈچ نەزىر

  • ئۈچ نەزىر[يەشمىسى:] بىراۋ ئۆلۈپ 3-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان نەزىر:[مىسال:] ئۈچ نەزىرىنى بەرمەك.

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى

  • ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى، تارباغاتاي، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ 1944-يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي دېموكراتىك قوراللىق كۈرىشى. ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ دېموكراتىك ئېنقىلابىنىڭ بىر قىسمىدۇر.

ئۈچ يۈز ئاتمىش كۈن

  • ئۈچ يۈز ئاتمىش كۈن[يەشمىسى:] يىل بويى، دائىم، ھەمىشە:[مىسال:] مەن ساڭا ئۈچ يۈز ئاتمىش كۈن نامىزىمدا دۇئا قىلىمەن، دېدى موماي.

ئۈچەك

  • ئۈچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] بەزى جانلىقلارنىڭ شارائىت ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ھاياتلىق پائالىيىتىنى توختاپ قالغانغا ئوخشاش ھالەتكە كەلتۈرۈشى. مەسىلەن، يىلاننىڭ قىش پەسلىدە ھەرىكەت قىلماي ۋە ئوزۇقلانماي يېتىشى؛ ئۆسۈملۈك بىخىنىڭ قىش پەسلىدە ئۆسۈشتىن توختىشى قاتارلىقلار.

ئۈچەككە كىرىش

  • ئۈچەككە كىرىش[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلارنىڭ قاتتىق سوغۇق، قاتتىق ئىسسىق، قۇرغاقچىلىق، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدىغان مەزگىللەردە ئۈچەك ھالىتىگە قەدەم قويۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئۈچەي

  • ئۈچەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ھەزىم قىلىش ئورگىنىنىڭ بىر قىسمى. شەكلى شلانكىغا ئوخشاش بولۇپ، يۇقىرىقى ئۇچى ئاشقازان بىلەن، ئاستىنقى ئۇچى مەقئەت تۆشۈكى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئادەتتە كىچىك ئۈچەي ۋە چوڭ ئۈچەي دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ. بەدەندە ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. [يەشمىسى:] ② ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقلۇق سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنىدىغان شۇ خىل ئەزاسى:[مىسال:] ئۈچەي قۇيماق. ئۈچەي كاۋىپى.

ئۈچەيلىرى تارتىشىپ كەتمەك

  • ئۈچەيلىرى تارتىشىپ كەتمەك[يەشمىسى:] قورسىقى ئىنتايىن ئېچىپ كەتمەك:[مىسال:] تاماق تەييار بولدىمۇ، تېز بولۇڭ، ئۈچەيلىرىم تارتىشىپ كەتتى.

ئۈچىيى دۈمبىسىگە چاپلىشىپ قالماق

  • ئۈچىيى دۈمبىسىگە چاپلىشىپ قالماق[يەشمىسى:] «ئۈچەيلىرى تارتىشىپ كەتمەك»كە قاراڭ:[مىسال:] ئېسىمنى يىغىپ ئويلىسام قورساقلىرىم ئېچىپ، ئۈچىيىم دۈمبەمگە چاپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ، چاڭقاپ، گاللىرىم قۇرۇپ كېتىپتۇ.

ئۈچىيى قىسقا

  • ئۈچىيى قىسقا[يەشمىسى:] قورسىقى كىچىك، ئىچى تار:[مىسال:] سادىق ھەمىشە:[مىسال:] ئاياللارزە ئۈچىيىڭلار بەك قىسقا، قورساقنى كەڭ تۇتقان ياخشى، ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم ئۇرۇشۇپ، جېدەللىشىپ يۈرسە سەت ئەمەسمۇ دەپ ئاغزىمنى تۇۋاقلاپ قويىدۇ.

ئۈچىيى ئۈزۈلگۈدەك

  • ئۈچىيى ئۈزۈلگۈدەك[يەشمىسى:] قاتتىق ۋە ئۈزۈلدۈرمەي كۈلۈپ كەتكەنلىكىنى سۈپەتلەپ ئېيتقاندا قوللىنىلىدىغان ئىبارە:[مىسال:] خاتىپ بولسا، ئۈچىيى ئۈزۈلگۈدەك كۈلۈپ مەززە قىلاتتى.

ئۈچەي-باغىر

  • ئۈچەي-باغىر[يەشمىسى:] ① ئۈچەي ۋە باغىر. [يەشمىسى:] ② قورساق.

ئۈچەي-باغرىنى سىيرىماق

  • ئۈچەي-باغرىنى سىيرىماق[يەشمىسى:] ھېچنېمىسىنى قويماي يەۋەتمەك؛ قۇرۇقداپ قويماق:[مىسال:] ئۇنى بىز رازى بولغۇدەك كۈتۈۋالالمايمىزمۇ مۇبادا تاغامنى بىزنىڭ ئۆيدە ئۈچ كۈن تۇردى دېگەندىمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۈچەي-باغرىمىزنى سىيرىۋېتىشى تۇرغانلا گەپ

ئۈچەي-قېرىن

  • ئۈچەي-قېرىن[يەشمىسى:] ئۈچەي ۋە قېرىن:[مىسال:] ئۈچەي-قېرىنىنى چۇۋۇماق.

ئۈچەي-قېرىنىنى تۆكمەك

  • ئۈچەي-قېرىنىنى تۆكمەك[يەشمىسى:] ئىچىدىكى دەردىنى پۈتۈنلەي سۆزلىمەك، قورسىقىدىكى گەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېيتماق:[مىسال:] ئۇمۇ ئۈچەي-قېرىنىنى تۆكتى، پۇشايمان قىلىپ قوللىرىنى چىشلىدى.

ئۈچەيلەن

  • ئۈچەيلەن[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] ئۈچ ئادەم، ئۈچ كىشى:[مىسال:] بۇ ۋەدىنى ئاڭلىغان ئۇچەيلەن شاھنىڭ سۆزىنى رەت قىلالماي، ئۆز رازىلىقىنى بېرىشىپتۇ.

ئۈچقات

  • ئۈچقات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۈچ+قات[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۈچقات ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. يوپۇرمىقى تۇخۇم ياكى ئۇزۇن ئېللىپس شەكلىدە، گۈلى دەسلەپ ئېچىلغاندا ئاق بولۇپ كېيىن سېرىققا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، پۇراقلىق بولىدۇ. مېۋىسى قارا رەڭلىك، يوپۇرماق ۋە گۈللىرى دورا قىلىنىدۇ. ئىسسىقنى ياندۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش قاتارلىق روللارغا ئىگە. ياغىچى قاتتىق، يىك ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۈچقۇلاق

  • ئۈچقۇلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۈچ+قۇلاق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى، كىچىك تىپتىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئۈچ قۇلاقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق. ئۇنىڭ ئاق ئۈچقۇلاق ۋە قىزىل ئۈچقۇلاق دېگەن تۈرلىرى بار.

ئۈچكە

  • ئۈچكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بەزى مېۋىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قاتتىق شاكىلى بار قىسمى. ئىچىدە ئۇرۇقى (مېغىزى) بولىدۇ. مەسىلەن، شاپتۇل ئۈچكىسى، ئۆرۈك ئۈچكىسى دېگەندەك.

ئۈچكېزەك

  • ئۈچكېزەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۈچ+كېزەك[[يەشمىسى:] ئانىنىڭ قورسىقىدىن بىر قېتىمدا ئارقا-ئارقىدىن تۇغۇلغان قېرىنداش (بىر-بىرىگە نىسبەتەن):[مىسال:] بۇ ئۈچكېزەك ئاكا-ئۇكىلار ئېغىز بوشلۇقىنىڭ بىرئاز كىچىكرەك قىسمىدا بولغاچقا، تازا دىققەت قىلمىسا گېپىنى ئاڭقىرىشقا بولمايتتى.

ئۈچكىلىك

  • ئۈچكىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىچىدە ئۈچكىسى بار، ئۈچكىسى بولىدىغان:[مىسال:] ئۈچكىلىك مېۋە.

ئۈچلەمچى

  • ئۈچلەمچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر جەريان ياكى ھادىسىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان؛ ئۈچىنچى:[مىسال:] ئۈچلەمچى دەۋر. ئۈچلەمچى سىستېما.

ئۈچلەمچى دەۋر

  • ئۈچلەمچى دەۋر[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ھايات ئېراسىنىڭ بىرىنچى دەۋرى. تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقىرىقى دەپ ئۈچ ئەسىرگە بۆلۈنگەن. 230 مىليون يىل بۇرۇن باشلىنىپ، 195 مىليون يىلدىن ئىلگىرى تاماملانغان. بۇ دەۋردىكى يەر قاتلاملىرى ئەڭ ئاۋۋال گېرمانىيىدە يۇقىرىقى، ئوتتۇرا، تۆۋىنى دەپ ئۈچكە بۆلۈنگەنلىكتىن «ئۈچلەمچى دەۋر» دەپ ئاتالغان.

ئۈچلۈك

  • ئۈچلۈك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەرسىدىن تەشكىللەنگەن، تۈزۈلگەن:[مىسال:] ئۈچلۈك ھەيئەت. ئۈچلۈك نېرۋا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈچ خانىلىق ياكى ئۈچ رەقەملىك نەرسە:[مىسال:] قاغىنىڭ ئۈچلۈكى. غىشنىڭ ئۈچلۈكى.

ئۈچۈن

  • ئۈچۈن[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] ① نەرسىنىڭ كىمگە، نېمىگە ئاتالغانلىقىنى، بېغىشلانغانلىقىنى ياكى كىمنىڭ، نېمىنىڭ پايدىسىغا، مەنپەئىتىگە بېجىرىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ:[مىسال:] ھەممە نەرسە خىزمەت ئۈچۈن.[يەشمىسى:] ② ئىش-ھەرىكەتنىڭ نېمە مەقسەتتە بېجىرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ:[مىسال:] يار ئۈچۈن يېگەن تاياقنىڭ يارىسى يوق (ماقال).[يەشمىسى:] ③ ئىش-ھەرىكەتنىڭ بېجىرىلىشىدىكى ئاساس ياكى سەۋەبنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] نېمە ئۈچۈن. شۇنىڭ ئۈچۈن.  يامغۇر ياغقانلىقى ئۈچۈن كېچىكىپ قالدىم.[يەشمىسى:] ④ بىرەر ئىشنىڭ، مەسىلىنىڭ ياكى پىكىرنىڭ كىمگە، نېمىگە نىسبەتەن ئېيتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ:[مىسال:] تىرىشىپ ئۆگىنىش ياشلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

ئۈچىنچى

  • ئۈچىنچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] رەت تەرتىپى، ئورنى ئىككىنچىدىن كېيىن تۇرىدىغان، تەرتىپ ئورنى «3» رەقىمى بىلەن بەلگىلىنىدىغان، 3-نومۇرلۇق:[مىسال:] ئۈچىنچى ئورۇندۇق. ئۈچىنچى ئورۇن. ئۈچىنچى يىل. ئۈچىنچى قېتىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چوڭ-كىچىك نەرسىلەرنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇقتىن چوڭ، تۆتىنچى نومۇرلۇقتىن كىچىك بولغان ئۆلچىمى، رازمېرى:[مىسال:] ئالتىنچى كۇلۇچ.

ئۈچىنچى دەۋر

  • ئۈچىنچى دەۋر[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يېڭى ھايات ئېراسىنىڭ بىرىنچى دەۋرى. بۇ دەۋر كونا ئۈچىنچى دەۋر (E) ۋە يېڭى ئۈچىنچى دەۋر (N) دەپ بۆلۈنىدۇ. تەخمىنەن 67 مىليون يىل بۇرۇن. باشلىنىپ 5.2 مىليون يىل بۇرۇن تاماملانغان. بۇ دەۋردە تاغ پەيدا بولۇش ھەرىكىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، دېڭىز، قۇرۇقلۇقلار قىياپىتىنىڭ ئۆزگىرىشى تۇراقسىز بولغان.

ئۈچىنچى كەسىپ

  • ئۈچىنچى كەسىپ[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] ئادەتتە تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەت كەسىپلىرى يەنى سودا، يېمەك-ئىچمەك، رېمونتچىلىق، ساياھەت ئىشلىرى، شەھەر ئىچى قاتنىشى، يۈك توشۇش، پۇل مۇئامىلىسى، ستراخۇۋانىيە، رادىئو، خەۋەرلىشىش، ئۇچۇر، مەسلىھەت بېرىش، قانۇنچىلىق ئىشلىرى، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش، مەدەنىيەت-مائارىپ، تەنتەربىيە، پەن تەتقىقات ئىشلىرى قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئۈدۈسكىلىمەك

  • ئۈدۈسكىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تەمتىرىمەك، تىمىسقىلىماق.

ئۈدۈكلىمەك

  • ئۈدۈكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يېقىنلاشماق، ياخشى كۆرۈشمەك.

ئۈدۈگەن

  • ئۈدۈگەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاغمىخان.

ئۈدۈمەك

  • ئۈدۈمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەۋجىگە چىقماق، كۈچەيمەك (يارا، جاراھەت قاتارلىقلار ھەققىدە).

ئۈر

  • ئۈر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈلكىنىڭ ئۇۋىسى.

ئۈرە

  • ئۈرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئېجىل، ئىناق.

ئۈرە بولماق

  • ئۈرە بولماق [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۆنمەك، ئېجىل بولماق؛ ئۆگەنمەك.

ئۈرەن

  • ئۈرەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كېلەر يىلى تېرىش ئۈچۈن ئېلىپ قويۇلغان دان؛ ئۇرۇق. [يەشمىسى:] ② دانلارنىڭ بىخلىنىدىغان ئورنى.

ئۈرەنلىك

  • ئۈرەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇرۇقلۇق، ئۇرۇق قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان.

ئۈركۈتمەك

  • ئۈركۈتمەك[يەشمىسى:] «ئۈركۈمەكⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئاتنى ئۈركۈتمەك.

ئۈركۈتۈلمەك

  • ئۈركۈتۈلمەك[يەشمىسى:] «ئۈركۈتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئاتلار ئۈركۈتۈلدى.

ئۈركۈشمەك

  • ئۈركۈشمەك[يەشمىسى:] «ئۈركۈمەكⅠ»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارنى كۆرۈپ خۇرجۇنىغا ئوق-دورا قاچىلىۋالغان قازاقلار بەكرەك ئۈركۈشتى.

ئۈركۈگەك

  • ئۈركۈگەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسان ئۈركۈيدىغان، ئۈركۈگىلى ئارانلا تۇرىدىغان:[مىسال:] ئۈركۈگەك ئات. ئۈركۈگەك قۇش.

ئۈركۈمەكⅠ

  • ئۈركۈمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرنەرسە ياكى ئەھۋالدىن بىردىنلا قورقماق، قورقۇنچلۇق ھېس قىلماق، چۆچۈمەك، قاچماق:[مىسال:] ئۆز سايىسىدىن ئۈركۈمەك. * ئېشەكلەر ئۇنىڭ قولىدىكى تاياقنى كۆرۈپ، تېخىمۇ ئۈركۈپ، تاپۇر-تۇپۇر قىلغىلى تۇردى.

ئۈركۈمەكⅡ

  • ئۈركۈمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يىمىرىلمەك:[مىسال:] ھاك ئۈركۈپتۇ.

ئۈرگۈنە

  • ئۈرگۈنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇرۇقى قارا، ئۇششاق سىركىدەك بولىدىغان، قىزىل چېچەكلەيدىغان، يوپۇرمىقى ئۈچ ئىلىك كەڭ بولىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك. ئۇنى ئاچارچىلىق كۈنلەردە ئۇن تارتىپ يېگىلى بولىدۇ.

ئۈرمەك

  • ئۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاۋىماق، ھاۋشىماق:[مىسال:] ئىش مۇشۇ يەرگە كەلگەنىكەن، ئىت ئۈرەر، كارۋان يۈرەر، دېسەڭ دەۋەر دەپ ئولتۇرغىلى بولمايدۇ.

ئۈز

  • ئۈز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ياغ، ماي.

ئۈزەڭگە

  • ئۈزەڭگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئات-ئۇلاغقا مىنگەندە، دەسسەپ چىقىش ئۈچۈن تاسما باغ ئارقىلىق ئېگەر ياكى چومغا بېكىتىپ قويۇلىدىغان جابدۇق. ئادەتتە مېتالدىن ياسىلىدۇ:[مىسال:] ئاتتىن چۈشسە، ئۈزەڭگىدىن چۈشمەس (ماقال).

ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرماق

  • ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرماق[يەشمىسى:] قارشى تەرەپ بىلەن مەنمەنلىك تالاشماق، ئۈستۈنلۈك تالاشماق، رىقابەتلەشمەك:[مىسال:] نادان جاھىللار بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرماستىن، بەلكى ئۇلارنى ئىمكانقەدەر ئىنساپ ۋە ئەخلاققا دەۋەت قىلىش كېرەك.

ئۈزەڭگىلىك

  • ئۈزەڭگىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئېگەر توقۇلغان ئاتنى مىنىپ، پۇتى بىلەن ئۈزەڭگىنى دەسسەپ ئولتۇرغاندا، پۇتىدىكى ئاياغ كىيىمىنىڭ ئۈزەڭگىگە تىرىلىپ تۇرىدىغان قىسمى.[يەشمىسى:] ② پۇتنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئۈزەڭگە بېسىپ تۇرىدىغان جايى.

ئۈزبەر

  • ئۈزبەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى پەيسىمان يېرىلىدۇ. يېرىقچە ياپراقچىلىرى تۆمۈنە شەكلىدە. گۈلى كىچىك بولۇپ، ئاچ قىزىل كېلىدۇ. پۈتۈن تېنى دورا قىلىنىدۇ.

ئۈزدۈرمەكⅠ

  • ئۈزدۈرمەكⅠ[يەشمىسى:] «ئۈزمەكⅠ»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئارغامچىنى ئۈزدۈرمەك. يىپنى ئۈزدۈرمەك.

ئۈزدۈرمەكⅡ

  • ئۈزدۈرمەكⅡ[يەشمىسى:] «ئۈزمەكⅡ»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دېڭىزدا ئۈزدۈرمەك.

ئۈزرە

  • ئۈزرە[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① ئۈستىدە، ئۈست تەرىپىدە، تۆپىسىدە:[مىسال:] كۆك ئۈزرە. يەر ئۈزرە. * كىرىپ شاھ سۇپا ئۈزرە ئولتۇرۇشتى، ئادەتتىكىچە دۇئا-تەكبىر قىلىشتى.[يەشمىسى:] ② بەزى ئىسىملارنىڭ كەينىدە كېلىپ، ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى «-دا، -دە، -تا، -تە» لەرنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] كۆتۈرمەكچى ئۇنىڭ شەنىگە بىر جام، كۆرۈلسۇن مەڭگۈ تارىخ ئۈزرە نام. * ئەگەرچە بولمىساق بۇ ئىشتا ھوشيار، قىلۇر بىزنى سىياسەت ئۈزرە تارمار.

ئۈزگۈچى

  • ئۈزگۈچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] (سۇ) ئۈزۈشكە ئادەتلەنگەن، ئۈزىدىغان:[مىسال:] ئۈزگۈچى قۇشلار.

ئۈزلۈكسىز

  • ئۈزلۈكسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۈزۈلۈپ قالماي، ئۈزۈلمەي، توختىماي، داۋاملىق، ئارقا-ئارقىدىن، كەينى-كەينىدىن، ئۇدا:[مىسال:] ئۈزلۈكسىز ئالغا باسماق. ئۈزلۈكسىز تۈردە.

ئۈزمەكⅠ

  • ئۈزمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۈچ بىلەن بىرەر نەرسىنى تاتىپ پۈتۈنلەي ئاجراتماق، بۆلمەك:[مىسال:] ئارغامچىنى ئۈزمەك. بوغقۇچنى ئۈزمەك.[يەشمىسى:] ② ھەر خىل مېۋە، گۈل قاتارلىقلارنى ئۆسۈملۈك تېنىدىن ئاجراتماق:[مىسال:] ئۈزۈم ئۈزمەك. گۈل ئۈزمەك. قوغۇن ئۈزمەك. تاۋۇز ئۈزمەك. يوپۇرماق ئۈزمەك.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۈگەتمەك، تۆلىمەك:[مىسال:] ئۇ بۇ يىل يېرىدىن مول ھوسۇل ئېلىپ، گەدىنىدىكى قەرزلەرنى پۈتۈنلەي ئۈزگەندىن تاشقىرى، ئېشىنغان پۇلىغا بىر ئات سېتىۋالدى.[يەشمىسى:] ④ بىرەر ھەرىكەت، پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرماق، توختاتماق:[مىسال:] مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك. گەپنى ئۈزمەك، ئۈمىدنى ئۈزمەك. ئالاقىنى ئۈزمەك.[يەشمىسى:] ⑤ مەھرۇم قىلماق، خالىي قىلماق:[مىسال:] ئاشلىقتىن ئۈزمەك.[يەشمىسى:] ⑥ ئاتماق، چىقارماق (ئوق ھەققىدە):[مىسال:] رەجەپ ساق-سالامەت دەرياغا چۈشتى ۋە ئارقىچىلاپ مېڭىپ قوغلاپ كېلىۋاتقانلارغا قارىتىپ ئوق ئۈزدى.

ئۈزۈپ ئېيتماق

  • ئۈزۈپ ئېيتماق[يەشمىسى:] كەسكىن گەپ قىلماق، پوس كاللىسىنى دېمەك:[مىسال:] سىز مەندىن رەنجىسىڭىزمۇ، ئاغرىنسىڭىزمۇ مەيلى، مەن شۇنى سىزگە ئۈزۈپ ئېيتايكى، سىزنى مەن شۇ ھالىڭىزچە ھەرگىز قويۇپ بەرمەيمەن.

ئۈزمەكⅡ

  • ئۈزمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قول-پۇتلىرىنى مىدىرلىتىپ سۇدا يۈرمەك، بىر تەرەپكە قاراپ ھەرىكەت قىلماق؛ سۇنى يېرىپ ئىلگىرىلىمەك:[مىسال:] دەريادا ئۈزۈپ كېلىۋاتقان كىشى ئىككى ئىدى.[يەشمىسى:] ② لەيلىمەك، لەيلەپ يۈرمەك (بولۇت قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] بۇلۇتلار ئاسماندا ئۈزۈپ يۈرمەكتە. * رۇقىيە بۇلۇتلار ئارىسىدا بىر يوقىلىپ، بىر پەيدا بولۇپ ئۈزۈپ يۈرگەن ئايغا قارىغىنىچە خىيالغا كېتەتتى.

ئۈزۈپ چىقماق

  • ئۈزۈپ چىقماق[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتا باشقىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتمەك، كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئالدىغا ئۆتمەك:[مىسال:] خىزمەتتە ئۈزۈپ چىقماق. ئوقۇشتا ئۈزۈپ چىقماق.

ئۈزۈتلۈك

  • ئۈزۈتلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بېخىللىق، پىخسىقلىق.

ئۈزۈشمەكⅠ

  • ئۈزۈشمەكⅠ[يەشمىسى:] «ئۈزمەكⅠ»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار كونا ئارغامچىنى كۈچىنىڭ بارىچە تارتىپ ئۈزۈشتى.

ئۈزۈشمەكⅡ

  • ئۈزۈشمەكⅡ[يەشمىسى:] «ئۈزمەكⅡ»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاسماندا بۇلۇتلار ئۈزۈشەتتى. قۇياش «قۇشتاغ» ئېتىكىگە كۈلۈپ باقماقتا ئىدى.

ئۈزۈك Ⅰ

  • ئۈزۈك Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈزۈلگەن، ئۈزۈلۈپ كەتكەن، ئۈزۈلۈپ قالغان:[مىسال:] ئۈزۈك ئارغامچا. ئۈزۈك يىپ. ئۈزۈك ياغاچ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ ئۈزۈلگەن يېرى، ئۈزۈلگەن ئۇچى:[مىسال:] ئارغامچىنىڭ ئۈزۈكىنى ئۇلىماق. توك سىمىنىڭ ئۈزۈكى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدىغان، ئۈزۈلۈپ چىقىدىغان، سوزۇپ تەلەپپۇز قىلىنمايدىغان:[مىسال:] ئۈزۈك ئاۋاز بىلەن «دوستۇم... نەگە... نەگە بارىسىز»-دەپ سورىدى ئۇ مەندىن.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىسقا، ئانچە ئۇزۇن ئەمەس:[مىسال:] ئۇلار كىچىككىنە ئۈزۈك سايدىن ئۆتۈپ، قارىيىپ تۇرغان مەھەللە دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرگەندىن كېيىن «چېقىر كۆز» سورىدى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئازار يېگەن، سۇنۇق:[مىسال:] ئۇ بىچارىنىڭ دىلى بەكمۇ ئۈزۈكتەك كۆرۈنىدۇ.

ئۈزۈك تاۋۇش

  • ئۈزۈك تاۋۇش[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تەلەپپۇز قىلىنغاندا ھاۋا ئېقىمى ئېغىز بوشلۇقى ياكى تاماق بوشلۇقىدا مەلۇم توسالغۇغا ئۇچرايدىغان تاۋۇش. مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلىدىكى ب، پ، ل، م، گ، ك، خ، ج... قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

ئۈزۈكⅡ

  • ئۈزۈكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىشىلەرنىڭ قول بارماقلىرىغا سېلىش ئۈچۈن مېتالدىن ياسالغان ھالقىسىمان زىننەت بۇيۇمى:[مىسال:] ئالتۇن ئۈزۈك. ئۈزۈك سالماق. * ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز (ماقال).[يەشمىسى:] ② تۇغۇتنى چەكلەش ئۈچۈن ئاياللار جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويۇلىدىغان ھالقىسىمان نەرسە:[مىسال:] ئۈزۈك سالماق.

ئۈزۈكچىلىك

  • ئۈزۈكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇرمۇشقا كېرەكلىك بولغان يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىقلار يېتىشمەسلىك:[مىسال:] ئۇكام، بۇ ئىككى يىلدىن بېرى بىزنىڭ كۈنىمىزغۇ خېلى ياخشى بولۇپ قالدى، بىراق ئۈزۈكچىلىك دېگەن يامان نېمە، بىر قىسىم كىشىلەر تېخى ئەس-ھوشىنى يىغىۋالغىنى يوق.

ئۈزۈكلۈك

  • ئۈزۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۈزۈكى بار، ئۈزۈك سېلىنغان:[مىسال:] ئۈزۈكلۈك قول.[يەشمىسى:] ② ئۈزۈك سوقۇشقا يېتىدىغان، ئۈزۈك چىقىدىغان:[مىسال:] بىر ئۈزۈكلۈك ئالتۇن.

ئۈزۈل-كېسىل

  • ئۈزۈل-كېسىل[يەشمىسى:] تەلتۆكۈس، پۈتۈنلەي، تولۇق، تامامەن، قەتئىي:[مىسال:] مەسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلماق. ئۈزۈل-كېسىل رەت قىلماق. ئۈزۈل-كېسىل تۈگەتمەك.

ئۈزۈل-كېسىللىك

  • ئۈزۈل-كېسىللىك[يەشمىسى:] ئۈزۈل-كېسىل ھالەت؛ قەتئىيلىك:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئېيتقىنى بىلەن قىلغىنى بىر-بىرىگە زىت، يەنى ئۇلاردا ئىنقىلابىي ئۈزۈل-كېسىللىك يوق.

ئۈزۈلمە

  • ئۈزۈلمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈزۈك ھالەت، ئۈزۈك جەريان:[مىسال:] ھەربىر تارىخىي دەۋردىكى ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇقەررەر كېلىپ چىقىدىغان ئىجتىمائىي ئۈزۈلمە شۇ دەۋرنىڭ سىياسىي ۋە مەنىۋى تارىخىنىڭ ئاساسى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈزۈلگەن؛ ئۈزۈلىدىغان:[مىسال:] ئۈزۈلمە بەلۋاغ. ئۈزۈلمە تاغ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] جىنس قاتلىمى ياكى جىنس گەۋدىسىدىكى بىر ياكى بىر گۇرۇپپىلىق يېرىلغان يۈز.

ئۈزۈلمەك

  • ئۈزۈلمەك[يەشمىسى:] «ئۈزمەكⅠ»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئارغامچا ئۈزۈلمەك. يىپ ئۈزۈلمەك. ئالاقە ئۈزۈلمەك. * يوغان سوزۇلار، ئىنچىكە ئۈزۈلەر (ماقال).

ئۈزۈلۈپ قالماق

  • ئۈزۈلۈپ قالماق[يەشمىسى:] ① ئېغىر كەلگەنلىكى تۈپەيلى كېسەل قايتىلىنىپ، قوزغىلىپ قالماق:[مىسال:] سەن تېخى پۈتۈنلەي ياخشى بولۇپ كەتمىدىڭ، قۇم تاسقىما، ئۈزۈلۈپ قالىسەن، دېدى ئەنسارى.[يەشمىسى:] ② ئىقتىسادى بەك ناچارلاشماق، ئائىلىدە ئۈزۈكچىلىك يۈز بەرمەك:[مىسال:] كېيىن دادام رەھمىتى قازا قىلدى، ئانام كېسەل بولدى، مۇشۇنداق ئىشلار بىلەن قەرزدار بولۇپ، ئۈزۈلۈپ قالدۇق.

ئۈزۈلمەي

  • ئۈزۈلمەي[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئارقا-ئارقىدىن، داۋاملىق، ئىزچىل:[مىسال:] مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دېھقانلار، قول ھۈنەرۋەنلەر ۋە باشقا ئەمگەكچى خەلقنىڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭلىرى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلدى.

ئۈزۈلۈشچان

  • ئۈزۈلۈشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھايىتى ئاسان ئۈزۈلىدىغان، ئوڭاي ئۈزۈلۈپ كېتىدىغان، بوش:[مىسال:] ئۈزۈلۈشچان يىپ. ئۈزۈلۈشچان سىم.

ئۈزۈلۈشچانلىق

  • ئۈزۈلۈشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۈزۈلۈش خۇسۇسىيىتى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] دىئالېكتىكىدىكى بىر كاتېگورىيە. ئۇ ماددا ھەرىكىتىنىڭ نىسبىي جىملىق ۋە تارقاق ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۈزۈلۈشمەك

  • ئۈزۈلۈشمەك[يەشمىسى:] ① «ئۈزۈلمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② ئەر-ئاياللار نىكاھنى بۇزماق، ئاجراشماق:[مىسال:] زادى ئۈزۈلۈشىمەن دەپ بىر يەرگە قايسى يۈزۈم بىلەن بارىمەن

ئۈزۈم

  • ئۈزۈم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئۈزۈم ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئالىقانسىمان يېرىلغان، گۈلى كونۇسسىمان گۈل رېتىدە بولۇپ، كىچىك ۋە سارغۇچ يېشىل رەڭلىك، مېۋىسى يۇمىلاق ياكى ئېللىپس شەكىللىك. پىشقان چاغدا سۆسۈن ياكى سارغۇچ يېشىل رەڭدە بولىدۇ. تەمى تاتلىق، سۇلۇق، ئىستېمال قىلىنىدۇ ھەمدە ھاراق ئېچىتىشقا خام ئەشيا قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇخىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

ئۈزۈمچى

  • ئۈزۈمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇنى بېقىش، پەرۋىش قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم:[مىسال:] توختى ئاكا دېگەن بىر ئۈزۈمچى، ئۇ قانداق قىلغاندا، ئۈزۈم مەھسۇلاتىنى ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئۈزۈم ساتىدىغان ئادەم، ئۈزۈم ساتقۇچى باققال.

ئۈزۈمچىلىك

  • ئۈزۈمچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخسۇس ئۈزۈم تىكىپ ئۆستۈرۈش ھەم ئۇنىڭدىن مەھسۇلات ئېلىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] ئۈزۈمچىلىك بىلەن شۇغۇللانماق.

ئۈزۈمگۈل

  • ئۈزۈمگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۈزۈم+گۈل[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۈزۈمگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

ئۈزۈملۈك

  • ئۈزۈملۈك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈزۈمى بار، ئۈزۈم ئۆستۈرۈلگەن:[مىسال:] ئۈزۈملۈك ھويلا. ئۈزۈملۈك باغ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈزۈم ئۆستۈرۈلگەن جاي، باغ:[مىسال:] ئۈزۈملۈك ئىچىگە كىرمەك. ئۈزۈملۈككە قارىماق.

ئۈزۈندى

  • ئۈزۈندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ قىلغان ياكى يازغان ماقالە-ئەسەرلىرىدىن ئۈزۈپ ئېلىنغان پارچە.

ئۈست (ى)

  • ئۈست (ى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ تۆپە يۈزى، تۆپىسى:[مىسال:] ئۈستەل ئۈستى. ئىشكاپ ئۈستى. كىتابنى شىرە ئۈستىگە قويماق.[يەشمىسى:] ② نەرسىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسمىدىكى جاي، تۆپىسى، بېشى:[مىسال:] تاغنىڭ ئۈستى. * شاھ قارىسا دەرەخنىڭ ئۈستىدە بىر يىلان ياتقۇدەك.[يەشمىسى:] ③ ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ تاشقى تەرىپى، سىرتى؛ ئۇچا:[مىسال:] بۇ كۈنى ئۇ ئۈستىگە قارا شىپۇن دۇخاۋا كۆڭلەڭ، ناۋات رەڭ سارجىدىن پەلتۇ، پۇتىغا ئۇزۇن پاشنىلىق خۇرۇم توپلەي كىيىۋالغانىكەن.[يەشمىسى:] ④ شەخس قوشۇمچىسى ۋە يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ: 1) دەل بىرەر ئىش-ھەرىكەت بولۇۋاتقان پەيت، چاغ ياكى ئورۇننى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ياخشى ئاش ئۈستىگە كېلەر، يامان گەپ ئۈستىگە كېلەر (ماقال).[يەشمىسى:] 2) «..دىن تاشقىرى، ...دىن باشقا» دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۆي سوغۇق بولغاننىڭ ئۈستىگە زەي. * بۇلاڭچىلار ئۇنىڭ پۇلىنى بۇلىغاننىڭ ئۈستىگە قاتتىق ئۇرۇۋەتتى.[يەشمىسى:] 3) «ئاساسىغا، بەدىلىگە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ياللانما ئەمگەك تامامەن ئىشچىلارنىڭ ئۆزئارا رىقابىتى ئۈستىگە قۇرۇلغان.[يەشمىسى:] ⑤ شەخس ۋە چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ، ئىش-ھەرىكەتنىڭ چېتىلغان ئوبيېكتى ياكى دائىرىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قازانماق. بىراۋ ئۈستىدىن ئەرز قىلماق.[يەشمىسى:] ⑥ شەخس قوشۇمچىسى ۋە ئورۇن كېلىش ياكى چىقىش كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، «ھەققىدە، توغرىسىدا» دېگەن يۈكلىمىلەرنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مېنىڭ ئۈستۈمدىن ھەركۈنى ھەر ياڭزا ئىنكاسلار چىقىپ تۇرىدۇ، مەن بۇنداق ئىنكاسلارغىمۇ ئادەتلىنىپ قالدىم.

ئۈستىدىن چۈشمەك

  • ئۈستىدىن چۈشمەك[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەت بولۇۋاتقاندا كەلمەك، كۆرمەك:[مىسال:] ئۇخلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، نەق ئۈستىدىن چۈشكەن ئوخشايمىز، دەپ ئويلاشتى ئۇلار.

ئۈستىگە چۈشمەك

  • ئۈستىگە چۈشمەك[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش، مەسىلە بولۇۋاتقان پەيتنىڭ دەل ئۆزىدىلا پەيدا بولماق ياكى يېتىپ كەلمەك:[مىسال:] بىر لۈكچەك ئۆيدىن چىقىپ مەخسۇت بەگكە: بېگىم، دەل ئۈستىگە چۈشتۇق، توختى، بايىز ئۆيدە ئىكەن، ئالماسنىڭ ئانىسىمۇ... دېدى.[يەشمىسى:] ② بوينىغا چۈشمەك، زىممىسىگە چۈشمەك:[مىسال:] ئون نەچچە يىل بۇرۇن، ئاتىسى قازا تاپقاندىن بۇيان، پۈتۈن بىر ئائىلىنىڭ غېمى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ قالدى.

ئۈستەك

  • ئۈستەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالماشتۇرۇلىدىغان نەرسىلەردىن قايسىنىڭ قىممىتى قانچىلىك ئارتۇق بولسا، شۇ ئارتۇق قىسمى باراۋېرىدە بېرىلىدىغان نەرسە، پۇل:[مىسال:] ئۈستەك بەرمەك.

ئۈستەل

  • ئۈستەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئومۇمەن تارتمىلىق، ئۈستى تۈز، تۆت پۇت بېكىتىلگەن، ئاستىنىڭ بىر ياكى ئىككى تەرىپى ئىشكاپ شەكىللىك ياسالغان ئائىلە ۋە ئىشخانىلاردا قويۇپ، ئۈستىدە خەت يېزىش قاتارلىق ئىشلاردا پايدىلىنىدىغان سايمان، جوزا:[مىسال:] ئۈستەل سائىتى. *باشلىق ئۈستەلنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ مەۋلاننىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.

ئۈستقۇرۇلما

  • ئۈستقۇرۇلما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۈست+قۇرۇلما[[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] ئىقتىسادىي بازىس ئۈستىگە قۇرۇلغان سىياسەت، قانۇن، دىن، سەنئەت، پەلسەپە قاتارلىقلارغا دائىر كۆزقاراشلار ھەمدە شۇ كۆزقاراشلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سىياسەت، قانۇن قاتارلىق تۈزۈملەر. ئىقتىسادىي بازىس ئۈستقۇرۇلمىنى بەلگىلەيدۇ. ئۈستقۇرۇلما ئىقتىسادىي بازىسنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

ئۈستكى

  • ئۈستكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈستىگە، تۆپىسىگە ياكى تۆپە قىسمىغا جايلاشقان، ئۈستى يۈزى ياكى تەرىپىدىكى، يۇقىرىدىكى، تۆپىسىدىكى:[مىسال:] ئۈستكى قەۋەت. يەرنىڭ ئۈستكى قاتلىمى.

ئۈستلىمە

  • ئۈستلىمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەسلىدىكىنىڭ ئۈستىگە قوشۇلغان، كېيىن قوشۇلغان:[مىسال:] ئۈستلىمە كاپىتال.

ئۈستمۇئۈست

  • ئۈستمۇئۈست[يەشمىسى:] ئۈستى-ئۈستىگە، ئۈستى-ئۈستىلەپ:[مىسال:] ئۈستمۇ ئۈست چۈشۈش.

ئۈستۈرمەك

  • ئۈستۈرمەك[يەشمىسى:] «ئۈسمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مۇشۇنداق قىلغاندا، ھەم قاسىمنى ساقلاپ قالغىلى، ھەم سابىرنى تىلسىم تاغقا ئۈستۈرۈپ ئەبجىقىنى چىقارغىلى بولىدۇ.

ئۈستۈرۈلمەك

  • ئۈستۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئۈستۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئۈستۈن

  • ئۈستۈن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۈستى تەرىپىدىكى، ئۈستىدىكى، ئۈستۈنكى:[مىسال:] ئۈستۈن تاش. ئۈستۈن قاپاق.[يەشمىسى:] ② يۇقىرى، ئۆرە، ئېگىز؛ ئارتۇق، يۈكسەك، ئالىي:[مىسال:] دۈشمەن ئۆزىگە قارىغاندا ئۈستۈن غايىگە ئىگە بولغان بۇ يىگىتنىڭ مۇھەببەت ئالدىدا ھۇدۇقۇپ قالغانلىقىدىن ئىچىدە كۈلدى.[يەشمىسى:] ③ جانلىق، كۆتۈرەڭگۈ:[مىسال:] روھى ئۈستۈن. كەيپىياتى ئۈستۈن.[يەشمىسى:] ④ ئەرزان ئەمەس، ئۆرە، قىممەت، يۇقىرى:[مىسال:] تەننەرخى ئۈستۈن.

ئۈستۈن تۇرماق

  • ئۈستۈن تۇرماق[يەشمىسى:] يۇقىرى، ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەك؛ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرماق:[مىسال:] مەن سىزدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرەر ئەر كىشىنى تېخىمۇ ئۇچراتمىدىم.

ئۈستۈن قويماق

  • ئۈستۈن قويماق[يەشمىسى:] ئۈستۈن، غالىس دەپ ھېسابلىماق؛ ئۈستۈن سانىماق، ئۈستۈن دەپ بىلمەك:[مىسال:] ھون تەڭرىقۇتلىرى بۇ ۋاقىتلاردا ئۆزلىرىنى خەن خانىدانلىقىدىن ئۈستۈن قويۇپ، خەن خانىدانلىقىغا پوپوزا قىلىپ تۇراتتى.

ئۈستۈن كەلمەك

  • ئۈستۈن كەلمەك[يەشمىسى:] ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولماق، ئۈستۈن ئورۇندا تۇرماق:[مىسال:] ئەمەت كۈرۈك جان ئاچچىقىدا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. ھەتتا گاھىدا ئامانگۈلدىن ئۈستۈن كەلگەندەك كۆرۈنەتتى.

ئۈستۈنكى

  • ئۈستۈنكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈستى تەرىپىدىكى، ئۈستىدىكى:[مىسال:] ئۈستۈنكى قەۋەت. ئۈستۈنكى تېرە قۇرۇلمىسى. ئۈستۈنكى كالپۇك.

ئۈستۈنلۈك

  • ئۈستۈنلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇقىرىلىق، غالىبلىق، يۈكسەكلىك، ئالىيلىق:[مىسال:] ئۈستۈنلۈك تالاشماق. ئۈستۈنلۈك قازانماق.

ئۈستۋاش

  • ئۈستۋاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۈست+باش[[يەشمىسى:] ئاياغ كىيىمىدىن باشقا ئۈستىگە كىيىلىدىغان بارلىق كىيىم-كېچەكلەر:[مىسال:] قورسىقى ئاچنىڭ كۆزى ئاشتا، قورسىقى توقنىڭ كۆزى ئۈستۋاشتا (ماقال).

ئۈستىدە

  • ئۈستىدە[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] ھەققىدە، توغرىسىدا، توغرۇلۇق:[مىسال:] مەن ئىككى ئىش ئۈستىدە يېزا پارتكومىغا پىكىر بەرگىلى سىزنىڭ يېنىڭىزغا كىرىۋېدىم.

ئۈستىقۇددۇس

  • ئۈستىقۇددۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۆتكۈر پۇرايدۇ. غولى ئەگرى، كۆپ شاخلىنىدۇ. يوپۇرمىقى ئۇدۇل، گۈلى كۆكۈچ سۆسۈن، شېخىنىڭ ئۇچىدا توپلىشىپ ئۆسۈپ باشاقسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. گۈل رېتىدىن پۇراقلىق ماي ئېلىنىدۇ، ئادەتتە ئۇ سوپۇن ياساش ۋە زىننەت بۇيۇملىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۈستىلەپ

  • ئۈستىلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۈستىگە؛ ئۈستى-ئۈستىگە؛ تەكرار؛ قايتىدىن:[مىسال:] دەل شۇ چاغدا گۈلخان ئۈستىلەپ كىرىدۇ. * شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۈستىلەپ يېڭى دەردلەر قوشۇلدى.

ئۈستى-ئۈستىگە

  • ئۈستى-ئۈستىگە[يەشمىسى:] ① بىرىنىڭ ئۈستىگە يەنە بىرى، ئۈستى-ئۈستىلەپ:[مىسال:] تۆت تەرەپتىن ياغدۇرۇلغان ئوق زەربىسىدە دۈشمەن ئۆلۈكلىرى داۋاندىن ئىككى كىلومېتىرچە پەستىكى تار جىلغىدا ئۈستى-ئۈستىگە دۆۋىلىنىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② كەينى-كەينىدىن، ئارقا-ئارقىدىن تەكرار:[مىسال:] ئۇ ئاچچىقى كېلىپ، ئۈستى-ئۈستىگە ئەينەكنى چاققىلى تۇردى.

ئۈستى-ئۈستىلەپ

  • ئۈستى-ئۈستىلەپ[يەشمىسى:] «ئۈستى-ئۈستىگە»گە قاراڭ:[مىسال:] ئۇنىڭ ئاق ماتا كۆڭلىكىگە ئۈستى-ئۈستىلەپ ياماق سېلىنغانىدى.

ئۈسكەكⅠ

  • ئۈسكەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈسۈشكە ئادەتلەنگەن، ئۈسىدىغان خۇيى بار:[مىسال:] ئۈسكەك كالا. *ھېلىقى مالىمانچىلىق يىللاردا ھەر «ياۋاشلار»غا مۈڭگۈز چىقىپ، ئۈسكەك بولۇپ كېتىشتى.

ئۈسكەكⅡ

  • ئۈسكەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تامچىلارنىڭ سۇۋاق ۋاقتىدا ئىشلىتىلىدىغان ئۈچ پۇتلۇق، بىر ئۇچىنى تامغا تىرەپ قويىدىغان سايمىنى، جازا.

ئۈسكەن

  • ئۈسكەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۇزۇنچاق سېۋەت.

ئۈسكۈنە

  • ئۈسكۈنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىدارە-جەمئىيەت، زاۋۇت فابرىكا، كارخانا ۋە ئائىلىلەرگە كېرەكلىك نەرسىلەر، جاھاز:[مىسال:] ئۆي ئۈسكۈنىلىرى. كارخانا ئۈسكۈنىلىرى.[يەشمىسى:] ② ھۈنەر-كەسىپكە زۆرۈر بولغان قورال، سايمانلار:[مىسال:] ياغاچچىلىق ئۈسكۈنىلىرى. تېبابەتچىلىك ئۈسكۈنىلىرى.

ئۈسكۈنىلەشتۈرمەك

  • ئۈسكۈنىلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئۈسكۈنىلەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئۈسكۈنىلەشتۈرۈلمەك

  • ئۈسكۈنىلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئۈسكۈنىلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئۈسكۈنىلەشمەك

  • ئۈسكۈنىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] زۆرۈر ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىن ئېتىلمەك، جاھازلاشماق:[مىسال:] بۇ ئاددىي ياغاچچىلىق دۇكىنى ھازىر زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئۈسكۈنىلەشتى.

ئۈسكۈنىلىك

  • ئۈسكۈنىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈسكۈنىسى بار، ئۈسكۈنە ئورنىتىلغان، ئۈسكۈنە قويۇلغان:[مىسال:] ئۈسكۈنىلىك ئۆي.

ئۈسمەك

  • ئۈسمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بېشى ياكى مۈڭگۈزى بىلەن ئادەم ۋە نەرسىلەرنى سوقماق، ئىتتەرمەك:[مىسال:] تۇرغان تامغا ئۈسسەڭ بېشىڭ يېرىلار (ماقال).[يەشمىسى:] ② بۆرتمەك:[مىسال:] ئىككى رازۋېدكىچى دەريا ئۈستىگە لەمپە بولۇپ ئۈسۈپ چىققان ئېگىز تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ماشىنىلارنىڭ كەينىدىن قاراشتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دوقۇرماق:[مىسال:] مېنىڭچە، قاتىللارنىڭ تەپتارتماستىن مۇشۇ تەرەپلەردە ئۈسۈپ يۈرگىنىدىن قارىغاندا، بىرى بولمىسا بىرى ئورمانلىقنىڭ خۇيىنى بىلىدىغان نېمىدەك قىددۆڭگىمەك:[مىسال:] ئۇ پۇلىنى يوقىتىپ قويۇپ باشقىلارغا ئۈسۈۋاتىدۇ.

ئۈسۈپ كىرمەك

  • ئۈسۈپ كىرمەك[يەشمىسى:] سورىماي، رۇخسەت ئالماي ئۆزى بىلگەنچە كىرمەك:[مىسال:] ئۇنداق سورۇنغا بىر ئاددىي ئىشچىنىڭ ئۈسۈپلا كىرىشى ئەدەپسىزلىك بولغانلىقتىن، ئىشىك تۈۋىدە بىرئاز ساقلاپ تۇرۇشقا توغرا كەلدى.

ئۈسۈشمەك

  • ئۈسۈشمەك[يەشمىسى:] «ئۈسمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىككى قوچقار ئۈسۈشكەندە، بۆرىنىڭ قورسىقى ئاچىدۇ (ماقال).

ئۈشتە

  • ئۈشتە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «ئۈشتە قىلماق»قا قاراڭ.

ئۈشتە قىلماق

  • ئۈشتە قىلماق[يەشمىسى:] سىلىقلىماق (پاختا يىپ، ماتا قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەكەلگەن ماتاسىنى ئۈشتە قىلىپ بېرىپ، شۇنىڭ بىلەن جان باقىدىكەن.

ئۈشتىگەر

  • ئۈشتىگەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۈشتە قىلىدىغان ئادەم:[مىسال:] زامانلارنىڭ زامانىسىدا، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ ئارىسىدا بىر ئۈشتىگەر ياشىغانىكەن.ئ

ىلىق، ئۈستى تۈز، تۆت پۇت بېكىتىلگەن، ئاستىني دەرىجىسى:

  • ىلىق، ئۈستى تۈز، تۆت پۇت بېكىتىلگەن، ئاستىني دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆينى ئىجارىگە بېرىپ، بۇرنىنى ئۈششۈتكەن قېرى (ماقال).

ئۈششۈك

  • ئۈششۈك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈز ئاخىرلىشىپ، قىشنىڭ كىرىشى بىلەن يېتىپ كېلىدىغان بىر خىل سوغۇق ھاۋا ئېقىمى، ئۇ زىرائەتلەرنى ئۈششۈتۈپ كاردىن چىقىرىدۇ:[مىسال:] ئۈششۈك چۈشمەك. ئۈششۈك تەگمەك. ئۈششۈك ئاپىتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈششۈگەن، ئۈششۈك تەگكەن:[مىسال:] چۈنكى، ئۇنىڭ چىرايى سوغۇق شامالدا تىترەپ ئالدىمىزغا چۈشۈۋاتقان كەچ كۈزدىكى ئۈششۈك يوپۇرماقلارغا ئوخشايتتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلەش تۈپەيلىدىن ئادەم ۋە نەرسىلەردىكى توڭلاش، مۇزلاش ھەم شۇ توڭلىغان، ئۈششۈگەن يەر، نەرسە:[مىسال:] توڭلاپ قالغان قۇلاققا قار بېسىپ ئۈششۈكنى ياندۇرۇشنى بىز پېشقەدەم يېتىمچىلاردىن ئۆگەندۇق.

ئۈششۈمەك

  • ئۈششۈمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سوغۇقنىڭ تەسىرىدىن ئادەم بەدىنىنىڭ بىرەر جايى ياكى زىرائەت ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى نورمال ھالىتىنى يوقاتماق؛ توڭلاپ زەخىملەنمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇرۇن-قۇلاقلىرى ۋە ئۇششاق پۇتلىرى تامام ئۈششۈپ كەتكەنىدى.

ئۈشقىرتماق

  • ئۈشقىرتماق[يەشمىسى:] «ئۈشقىرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دەرەخ شاخلىرىنى قىرو بېسىپ، سوغۇق شامال ئۈشقىرتىپ تۇراتتى.

ئۈشقىرتىشماق

  • ئۈشقىرتىشماق[يەشمىسى:] «ئۇشقىرتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۈشقىرماق

  • ئۈشقىرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ئۈش-ئۈش» قىلغان ئاۋاز چىقماق، «ئۈش-ئۈش» قىلماق.

ئۈشكە

  • ئۈشكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] تۆشۈك ئېچىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب. تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، بەزىلىرى قول بىلەن، يەنە بەزىلىرى توك ياكى شامال كۈچى بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدۇ.

ئۈشكۈرمەك

  • ئۈشكۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئىسقىرتماق، ئۈشقىرتماق.

ئۈشكىلەتمەك

  • ئۈشكىلەتمەك[يەشمىسى:] «ئۈشكىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئۈشكىلەشمەك

  • ئۈشكىلەشمەك[يەشمىسى:] «ئۈشكىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىككى ياغاچچى ئۇستام بىر بولۇپ ياغاچلارنى ئۈشكىلەشتى.

ئۈشكىلەنمەك

  • ئۈشكىلەنمەك[يەشمىسى:] «ئۈشكىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ياغاچلار ئۈشكىلەندى.

ئۈشكىلىمەك

  • ئۈشكىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۈشكە بىلەن تەشمەك:[مىسال:] ياغاچنى ئۈشكىلىمەك.

ئۈكە

  • ئۈكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۇقۇشنىڭ پېيى، بۇ خىل پەينى بەزى تۈركىي مىللەتلەر ئاياللىرى زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە بۆكىنىڭ ئالدى تەرىپىگە قادىۋالىدۇ:[مىسال:] ئۈكە تاقىماق.

ئۈكەر

  • ئۈكەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يەتتە قاراقچى يۇلتۇزى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئۈكەلىك

  • ئۈكەلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈكە تاقالغان:[مىسال:] ئۈكەلىك بۆك.

ئۈگە

  • ئۈگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] سۆڭەكلەرنىڭ ئۆزئارا تۇتاشقان جايى. تۈزۈلۈشىگە قاراپ قوزغالماس، سەل قوزغىلىدىغان ۋە ھەرىكەتچان ئۈگە دەپ ئۈچكە ئايرىلىدۇ. قوزغالماس ئۈگىگە باش سۆڭىكىنىڭ ھەرقايسى ئۈگىلىرى؛ سەل قوزغىلىدىغان ئۈگىگە ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ئۈگىلىرى؛ ھەرىكەتچان ئۈگىگە تۆت مۈچە ئۈگىلىرى مىسال بولالايدۇ. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] راكېتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلار قىسىملىرىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشقان جايى، بوغۇمى.

ئۈگدەتمەك

  • ئۈگدەتمەك[يەشمىسى:] «ئۈگدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھارۋىنىڭ رىتىملىق غىچىرلىشى، مۆمىن ئاكامنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى مېنى ئۈگدىتىپ قوياتتى.

ئۈگدەشمەك

  • ئۈگدەشمەك[يەشمىسى:] «ئۈگدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھارۋىنىڭ ئۈستىدە ئون نەچچە چېرىك، بىر پار ئات چۆمۈلگەن قاپقارا تەرگە. ئۈگدىشەر ئۆگىنىپ كەتكەندەك ئۇلار، توپىلىق يوللاردا دائىم سەپەرگە.

ئۈگدەك

  • ئۈگدەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۈتۈنلەي ئۇخلاپ قېلىش بىلەن ئويغاقلىقنىڭ ئارىلىقىدىكى ئۇيقۇ باسقان ھالەت؛ ئۇيقۇسىراش:[مىسال:] ئۈگدەك باسماق.

ئۈگدىمەك

  • ئۈگدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۇيقۇ باسماق، ئۇيقۇسىرىماق:[مىسال:] ئۇ ئۆگىنىشتە ۋە يىغىندا دائىم ئۈگدەپ ئولتۇرىدۇ.

ئۈگرە

  • ئۈگرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① خېمىرىنى يۇپقا يېيىپ، ئىنچىكە كېسىلگەن چۆپ:[مىسال:] ئەكبەر كەچلىكى يەڭگىسى ھەجەر بۈۋىنىڭ ئاشكۆكى بىلەن پىننىنىڭ پۇرىقى گۈپۈلدەپ تۇرغان مەززىلىك ئۈگرە ئېشىنى تازا ھۇزۇرلىنىپ ئىچتى.[يەشمىسى:] ② شۇنداق چۆپ بىلەن ئېتىلگەن سۇيۇقئاش:[مىسال:] ئۈگرە ئەتمەك. ئۈگرە ئىچمەك. * ئۈگرىنى تاشلاپ، تالقان يەپتۇ، يۇرتنى تاشلاپ، ئارمان يەپتۇ (ماقال).

ئۈگرىچى

  • ئۈگرىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈگرە كەسكۈچى؛ ئۈگرە ئاش ئېتىدىغان ئاشپەز:[مىسال:] ئىش بىلمەس كەشتىچى بوپتۇ، ئاش بىلمەس ئۈگرىچى بوپتۇ (ماقال).

ئۈگۈتⅠ

  • ئۈگۈتⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۇن تارتىش ئۈچۈن پاكىز تازىلانغان ئاشلىق:[مىسال:] ئۈگۈت ئەتمەك.[يەشمىسى:] ② جۇۋازغا سېلىپ ياغ تارتىشقا تەييارلانغان مايلىق دان؛ يۈك.

ئۈگۈتⅡ

  • ئۈگۈتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] پەند-نەسىھەت.

ئۈگۈتچى

  • ئۈگۈتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈگۈت ئەتكۈچى ئادەم.

ئۈگۈت-نەسىھەت

  • ئۈگۈت-نەسىھەت[يەشمىسى:] پەند-نەسىھەت:[مىسال:] بالىلارغا ئۈگۈت-نەسىھەتنى توختاتماسلىق لازىم.

ئۈگۈچ

  • ئۈگۈچ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قولنىڭ پەنجىلىرىنى سەل ئەگكەن ۋاقتىدىكى تۇرقى:[مىسال:] ئۈگۈچكە ئالماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن قوشۇلۇپ ئۈگۈچكە ئالغىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر ئۈگۈچ بۇغداي. * ئۇ تاغاردىن بىرقانچە ئۈگۈچ قوناقنى ئېلىپ كەپتەرلەرگە چېچىپ بەردى.

ئۈگۈچەكلىك

  • ئۈگۈچەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ساندۇق ياساش ئۈچۈن تەييارلانغان ياغاچ.

ئۈگۈچلىمەك

  • ئۈگۈچلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۈگۈچىگە ئالماق:[مىسال:] ئۇ لېگەننى سۈپۈرۈپ، بىر تال گۈرۈچمۇ قالدۇرماي ئالدىغا يىغدى ۋە ئەڭ ئاخىرقى بىر كاپام پولۇنى چىڭ ئۈگۈچلەپ ئاغزىغا سالدى.

ئۈگىلىك

  • ئۈگىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈگىسى بار، ئۈگىسى بولغان:[مىسال:] قول زادى قانچە ئۈگىلىك بولىدۇ

ئۈلەشتۈرمەك

  • ئۈلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئۈلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ سامسىلاردىن بىرقانچىنى قاپاقتىن ئېلىپ دىۋانىلەرگە ئۈلەشتۈردى.

ئۈلەشتۈرۈشمەك

  • ئۈلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ئۈلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۈلەشتۈرۈلمەك

  • ئۈلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئۈلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئالدى بىلەن چىڭ لەشكەرلىرى غىزالىنىپ، ئاندىن، ئاشقان-تاشقان نەرسىلەر سۈرگۈنلەرگە ئۈلەشتۈرۈلۈپ بېرىلەتتى.

ئۈلەشمەك

  • ئۈلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر پۈتۈن ياكى بىر توپ نەرسىلەرنى بىرنەچچە كىشىلەر ئۆزئارا مەلۇم ئۈلۈش، نىسبەت بويىچە بۆلۈشۈۋالماق:[مىسال:] ئۇلار «ئەگەر بۇ ئالتۇن خىش ئۈچ پارچە بولغان بولسا، ئۈلەشمىكىمىز ئوڭاي ئىدى» دېيىشتى.

ئۈلپەت

  • ئۈلپەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] زىياپەت، ئولتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بىللە بولىدىغان كىشى؛ ھەمسۆھبەت:[مىسال:] ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا، يېيىشىڭ پوق (ماقال).

ئۈلپەتچىلىك

  • ئۈلپەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۈلپەتلەر يىغىلىشى، ئولتۇرۇشى ياكى زىياپىتى؛ ئۈلپەتلەر ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مېھماندارچىلىق:[مىسال:] ئۇلار بىر جوزىغا چۆكۈپ، ئۈلپەتچىلىك قىلىپ بىر ئىككى رۇمكىدىن ئىچىشتى.[يەشمىسى:] ② ئۈلپەتلەرگە، دوستلارغا خاس مۇناسىۋەت:[مىسال:] ئۈلپەتچىلىكى بار ئادەم. ئۈلپەتچىلىك قىلماق.

ئۈلپەتلەشمەك

  • ئۈلپەتلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۈلپەت بولماق، ئۈلپەتچىلىك قىلماق، دوستلاشماق؛ ھەمسۆھبەت بولماق:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىن ھېسابلانغان بۇرادەرلىرى بىلەن ساراي ئۆيدە ئۈلپەتلىشىپ ئولتۇراتتى.

ئۈلپەتلىك

  • ئۈلپەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈلپەتچىلىك، دوستلۇق:[مىسال:] مەن بىراۋ بىلەن ئۈلپەتلىك قىلسام، ھەتتا ئۇنىڭدىن جىنىمنىمۇ ئايىماي، كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشىمەن.

ئۈلگە

  • ئۈلگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىشىلەر تەقلىد قىلىدىغان، دورايدىغان، ئۆگىنىشكە، نەمۇنە قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئادەم، ئىش، نەرسە ياكى ئۇسۇل؛ نەمۇنە، تىپ:[مىسال:] ئۈلگە بولماق. ئۈلگە ياراتماق. ئۈلگە ئالماق. ئۈلگە قىلماق.[يەشمىسى:] ② بىر تۈردىكى نەرسىلەردىن ئېلىنغان نۇسخا، ئەۋرىشكە:[مىسال:] بۇ ئوردىنى ئەخمەت بەگ بېيجىڭ خانلىقىنىڭ ئوردىسىنىڭ ئۈلگىسى بويىچە سالدۇرغانىدى.

ئۈلگۈجە

  • ئۈلگۈجە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپ مىقداردا؛ ھەممىنى بىراقلا، پۈتۈنلۈكى بويىچە:[مىسال:] ئۈلگۈجە سودا. ∥ ئۈلگۈجە ساتماق. ئۈلگۈجە ئالماق. * بۇ مالنى بىزنىڭ بۇ يەردە ئۈلگۈجە ئالىدىغان كىشى يوق.

ئۈلگۈجەك

  • ئۈلگۈجەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كونا پاسوندىكى ئىشىكلەردە، ئىشىكنىڭ ئېچىلىپ يېپىلىشى قانات يان ياغىچىنىڭ ئاستى، ئۈستىگە چىقىرىلغان، بىر بېشى ئىشىك بېشىغا ئويۇلغان تۆشۈككە، يەنە بىر بېشى بوسۇغىغا ئويۇلغان تۆشۈككە كىرىپ تۇرىدىغان ئوقسىمان قىسمى:[مىسال:] ئىشىكنىڭ ئۈلگۈجىكى. * ئېقىن سۇ سېسىمايدۇ، ئىشىك ئۈلگۈجىكى چىرىمايدۇ (ماقال).

ئۈلگۈدىمەك

  • ئۈلگۈدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يىرىكدىمەك، شاللىماق.

ئۈلگۈرتمەك

  • ئۈلگۈرتمەك[يەشمىسى:] «ئۈلگۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن ئۈلگۈرتىمەن، دېدى خالمۇرات قەتئىي قىلىپ.

ئۈلگۈرمەك

  • ئۈلگۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى بېجىرىشكە، قىلىشقا ئىمكانىيەت، ۋاقىت تاپماق، مۇۋەپپەق بولماق؛ يېتىشمەك:[مىسال:] پويىزغا ئۈلگۈرۈپ بارماق. * ئۇنىڭ پۇتلىرى شۇنداق چاققان ھەرىكەت قىلاتتىكى، كۆرۈپ پەرق ئېتىشكە ئۈلگۈرگىلى بولمايتتى.

ئۈلگۈرۈشمەك

  • ئۈلگۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ئۈلگۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلار سەھەر تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئاشخانا تامىقىغا ئۈلگۈرۈشتى.

ئۈلگۈمەك

  • ئۈلگۈمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] شاللىماق، ئىلغىماق.

ئۈلگىلىك

  • ئۈلگىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈلگە بولىدىغان، ئۈلگە بولۇشقا ياكى قىلىشقا ئەرزىيدىغان:[مىسال:] ئۈلگىلىك ئوقۇغۇچى. ئۈلگىلىك تىياتىر. ئۈلگىلىك رول ئوينىماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۈلگە بىلەن، ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق:[مىسال:] ئۈلگىلىك ئوقۇتۇش.

ئۈلۈش

  • ئۈلۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تەقسىملىنىدىغان نەرسىنىڭ بىرەر كىشىگە تېگىشلىك قىسمى، بۆلىكى؛ ھەسسە، نېسىۋە:[مىسال:] ئۆز ئۆلۈشىنى ئالماق.[يەشمىسى:] ② بىرەر چوڭ ئىشقا قىسمەن سەرپ قىلغان، قوشقان مېھنەت؛ ئەجىر؛ ھەسسە؛ تۆھپە:[مىسال:] بۇ غەلىبىلەرنىڭ ئىچىدە ھەرقايسىمىزنىڭ ئۈلۈشى بار ئەمەسمۇ.[يەشمىسى:] ③ بىر پۈتۈن ئىش، ھەرىكەت ياكى مەسىلىنىڭ مەلۇم بۆلىكى، قىسمى:[مىسال:] بىر ئۈلۈش مېھنەت بىر ئۈلۈش ئىقتىدارنى يېتىشتۈرىدۇ.

ئۈلۈشكۈن

  • ئۈلۈشكۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆتۈپ كەتكەن كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنى، تۈنۈگۈننىڭ ئالدىدىكى كۈن، بۇرناكۈن، ئوزاكۈن:[مىسال:] ئۇ ئۈلۈشكۈن «غۇنچە» مۇكاپاتى مۇسابىقىسىغا قاتناشتى.

ئۈلۈشكۈنكى

  • ئۈلۈشكۈنكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈلۈشكۈنى بولغان، ئۈلۈشكۈنىدىكى:[مىسال:] ئۈلۈشكۈنكى ئىش.

ئۈلۈشيىل

  • ئۈلۈشيىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆتۈپ كەتكەن يىلنىڭ ئالدىنقى يىلى، ئۆتكەن يىلنىڭ ئالدىدىكى يىل، ئالدىنقى يىل، ئوزاقى يىل، ئوزا:[مىسال:] بولۇپمۇ، ئۈلۈشيىل بولغان بىر ۋەقە بوۋاينى قاتتىق رەنجىتتى.

ئۈلۈشيىلقى

  • ئۈلۈشيىلقى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈلۈشيىلى بولغان، ئۈلۈشيىلىدىكى، ئوزاقى يىلىدىكى، ئوزاقى:[مىسال:] ئۈلۈشيىلقى ئىش.

ئۈمتۈلمەك

  • ئۈمتۈلمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىنتىزارلىق بىلەن قارىماق، تەلپۈنمەك، تەلمۈرمەك؛ ئىنتىزار بولماق:[مىسال:] ئۈمتۈلگەن ئەرگە دەريا ئوشۇقىغا كەلمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ② تەمشەلمەك:[مىسال:] كېيىنكىسىنى ئۇ بىلمەيتتى. تۈن يېرىمىدا ئېسىگە كېلىپ، بىر تاغ ئارىسىدىكى ئوتلاقتا ياتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ قوپۇشقا ئۈمتۈلدى.

ئۈمچەيتمەك

  • ئۈمچەيتمەك[يەشمىسى:] «ئۈمچەيمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دىلەيسا زاڭلىق قىلغاندەك تۇمشۇقىنى پۈرۈپ قويدى-دە، ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ گەپ ئاچتى.

ئۈمچەيتىشمەك

  • ئۈمچەيتىشمەك[يەشمىسى:] «ئۈمچەيتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئىككىسى خۇددى بىزدىن رەنجىشكەندەك ئاغزىلىرىنى ئۈمچەيتىشتى.

ئۈمچەيمەك

  • ئۈمچەيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] رەنجىش، خاپىلىق، كۆڭلى يېرىم بولۇش ياكى نارازىلىق تۈپەيلىدىن كالپۇكىنى سەت قىلىپ پۈرۈشتۈرمەك، كالپۇكىنى بىرقىسمىلا قىلماق:[مىسال:] قەمبەرخاننىڭ ئاۋازى بوغۇلدى. ئۇنىڭ دەسلەپتە ئۈمچىيىپ، كېيىن مىشىلداپ يىغلىغىنى ئاڭلاندى.

ئۈمچىيىشمەك

  • ئۈمچىيىشمەك[يەشمىسى:] «ئۈمچەيمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۈممەت

  • ئۈممەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مۇھەممەت پەيغەمبەرگە ئەگەشكەن ۋە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر جامائەسى.

ئۈمىد

  • ئۈمىد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىستەكنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا بولغان ئىشەنچ، ئىشەنچ بىلەن كۈتۈش؛ ئارزۇ، ئىستەك؛ نىيەت، مەقسەت:[مىسال:] ئۈمىد ئۈزمەك. ئۈمىد كۈتمەك. ئۈمىد باغلىماق. ئۈمىدىنى يەردە قويماق. *ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ئۈمىد-ئارزۇ

  • ئۈمىد-ئارزۇ[يەشمىسى:] ئۈمىد ۋە ئارزۇ:[مىسال:] مەندە نە ئۆي-ماكان، نە خوتۇن، بالا-چاقا بولسۇن مانا كۆرۈپ تۇرۇپسەن. ئۆمرۈمنىڭ كۈنى ئېگىلدى. مەندىكى ئۈمىد-ئارزۇلار توزغاقتەك توزۇپ كەتتى.

ئۈمىدسىز

  • ئۈمىدسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۈمىدى يوق، ئۈمىدسىزلەنگەن، نائۈمىد:[مىسال:] زۆھرەم ئۈمىدسىز ھالدا كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى، ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى يوقاتقان، كېلەچەكتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن:[مىسال:] ئۈمىدسىز كىشى. * ئۈمىدسىز شەيتان (ماقال).

ئۈمىدسىزلەرچە

  • ئۈمىدسىزلەرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىرەر كىشى ياكى بىرەر نەرسە، ئىشتىن ئۈمىد ئۈزگەن ھالدا؛ ئۈمىدسىزلىك بىلەن:[مىسال:] ئۈمىدسىزلەرچە گەپ قىلماق. ئۈمىدسىزلەرچە ياشىماق.

ئۈمىدسىزلەندۈرمەك

  • ئۈمىدسىزلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «ئۈمىدسىزلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن سىزنى بىر ئىشتىن ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىمەنمىكىن، دەپ قورقىمەن.

ئۈمىدسىزلەنمەك

  • ئۈمىدسىزلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر كىشىگە ياكى نەرسىگە، ئىشقا بولغان ئۈمىدىنى، ئىشەنچىسىنى يوقاتماق، ئۈمىدىنى ئۈزمەك:[مىسال:] سەن بۇ ئىشتىن ئۈمىدسىزلەنمە. * ئۈمىدسىزلەنمەڭ، ئىمىن ئاكا، ساقچىلار جەزمەن تاپىدۇ.

ئۈمىدسىزلىك

  • ئۈمىدسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈمىدسىز، ئارزۇسىز يۈرۈش، ئۈمىد-ئارزۇسى يوقلۇق:[مىسال:] ئۈمىدسىزلىك ئۆلۈمدىن يامان (ماقال).

ئۈمىدسىزلىنىشمەك

  • ئۈمىدسىزلىنىشمەك[يەشمىسى:] «ئۈمىدسىزلەنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۈمىدلەندۈرمەك

  • ئۈمىدلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «ئۈمىدلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ۋارىسجان ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ، دېدى ئەنۋەر ئايالنى ئۈمىدلەندۈرۈپ.

ئۈمىدلەنمەك

  • ئۈمىدلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۈمىدۋار بولماق، ئۈمىد قىلماق، ئۈمىد كۈتمەك:[مىسال:] سادىق ئابباس توغرىلىق ئويلاپ ئۈمىدلىنىپ قالدى، بۇ ئۈمىد ئۇنى قانائەتلەندۈرۈپ ئىشەنچكە ئىگە قىلدى.

ئۈمىدلىك

  • ئۈمىدلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىدىن ئۈمىد قىلىدىغان؛ ئۈمىدۋار:[مىسال:] ئۈمىدلىك ئادەم. * سەلەي سۆز قىستۇرۇپ:[مىسال:] يەنە ئۈمىدلىك بولۇڭ ئادەمنىڭ ئۈمىد بىلەن ياشىغىنى ياخشى، دېدى.[يەشمىسى:] ② كېلىچىكىگە ئىشەنسە بولىدىغان، كېلىچىكى پارلاق:[مىسال:] ئۈمىدلىك سەنئەتكار. ئۈمىدلىك يازغۇچى. * بىزنىڭ ئارىمىزدا يېڭى ئۈمىدلىك مەنزىرە ئېچىلىۋاتىدۇ، سىزچە قانداق

ئۈمىدۋار

  • ئۈمىدۋار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۈمىد، ئارزۇ ئىپادىلەيدىغان، ئىشقا، مەسىلىگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان؛ ئۈمىدلىك:[مىسال:] ئۈمىدۋار ئادەم. ئۈمىدۋار بولماق.

ئۈمىدۋارلىق

  • ئۈمىدۋارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۈمىد-ئارزۇ بىلەن يۈرۈش، ئۈمىدى بارلىق، ئارزۇ-ئۈمىدكە ئىگىلىك.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئوپتىمىزم.

ئۈن

  • ئۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم گەپ قىلغاندا، بىرنەرسە باشقا بىرنەرسىگە سۈركەلگەندە، تەگكەندە، نەرسە سۇنغاندا، چېقىلغاندا، پارتلىغاندا، ھەرىكەت قىلغاندا چىقىدىغان ھەرخىل ئاۋاز؛ تاۋۇش:[مىسال:] مىلتىقنىڭ ئۈنى. ئۈن چىقارماق. ئۈنۈڭنى چىقارما. ئۈنى پۈتمەك.

ئۈن سالماق

  • ئۈن سالماق[يەشمىسى:] ئاۋازىنى بولۇشىغا چىقارماق، ۋارقىرىماق، توۋلىماق، ئۈن چىقارماق:[مىسال:] ئايقىز بۇ پاجىئەنى كۆرۈپ، قاتتىق ئېچىنىشبىلەن ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى.

ئۈن قاتماق

  • ئۈن قاتماق[يەشمىسى:] گەپ قىلماق، زۇۋان سۈرمەك، ئېغىز ئاچماق:[مىسال:] سېلىمنىڭ بۇ ئوخشىتىشىغا ھېچكىم ئۈن قاتمىدى، ھەممەيلەن جىددىي كەيپىيات ئىچىدە جىمجىت ئولتۇرۇشاتتى.

ئۈنۈڭنى ئۆچۈر

  • ئۈنۈڭنى ئۆچۈر[يەشمىسى:] «ئاۋازىڭنى چىقارما، زۇۋان سۈرمە، ئاغزىڭنى جىم قىل، گەپ قىلما» دېگەن مەنىلەردىكى قاراتما سۆز.

ئۈنى پۈتمەك

  • ئۈنى پۈتمەك[يەشمىسى:] ئاۋازى ئەسلىدىكىدەك نورمال چىقمايدىغان بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۈنى پۈتۈپ قاپتۇ، بولمىسىغۇ ناخشا ئېيتىپ بېرەتتى.

ئۈنى ئۆچمەك

  • ئۈنى ئۆچمەك[يەشمىسى:] سۆزلەشتىن توختىماق، سۆز قىلىشتىن قالماق؛ جىم بولماق:[مىسال:] كەچقۇرۇن لېتىپ ئىشتىن قايتىپ كېلىپ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپتى-دە، ئۈنى ئۆچۈپ خۇدىنى يوقىتىپ قويدى.

ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتمەك

  • ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتمەك[يەشمىسى:] سۆز قىلالماي قالماق، ئۈنى ئۆچمەك:[مىسال:] نېمىشقا ئۈنۈڭ ئىچىڭگە چۈشۈپ كەتتى.

ئۈن يېتىم يەر

  • ئۈن يېتىم يەر[يەشمىسى:] ئۈنىنىڭ بارىچە توۋلىسا يەتكۈدەك يىراقلىق بولۇپ، ئادەتتە تەخمىنەن 5 يۈز مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ:[مىسال:] بىر ئۈن يېتىم يەردىكى دۆڭلۈكنىڭ كەينىدىن مۈرىسىگە كەتمەن سالغان زەيتۇنەم ناخشا ئېيتىپ چىقىپ كەلدى.

ئۈنئالغۇ

  • ئۈنئالغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۈن+ئالغۇ[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاۋازنى خاتىرىلىۋېلىپ، قايتا ئاڭلاشقا ئىمكانىيەت تۇغدۇرىدىغان ماشىنا. ئەڭ كەڭ قوللىنىلىدىغىنى ماگنىت لېنتىلىق ئۈنئالغۇ، ئۇ ئالماقچى بولغان ئاۋازنى ئېلېكتر ماگنىتىغا ئايلاندۇرۇپ ماگنىت لېنتىسىنى ماگنىتلايدۇ. قايتا قويۇلغاندا، ماگنىتنى ئاۋازغا ئايلاندۇرىدۇ.

ئۈن-تىن

  • ئۈن-تىن[يەشمىسى:] ئۈن ۋە شۇ خىلدىكى تاۋۇش؛ ئاۋاز، زۇۋان:[مىسال:] ئۈن-تىن چىقارماستىن. ئۈن-تىن دېمەي.

ئۈن-تىن چىقارماسلىق

  • ئۈن-تىن چىقارماسلىق[يەشمىسى:] ① زۇۋان-سۈرمەسلىك، گەپ-سۆز قىلماسلىق، جىممىدە تۇرۇۋېلىش:[مىسال:] ئۇ ئۈن-تىن چىقارماستىن بېشىنى لىڭشىتىپلا قويدى.[يەشمىسى:] ② ۋايسىماسلىق، غىدىڭ-پىدىڭ قىلماسلىق:[مىسال:] ئۇلار ياسىندىن ئۆگىنىپ، ئۈن-تىن چىقارماستىن ياخشى ئىشلىدى.

ئۈن-تىن دېمەسلىك

  • ئۈن-تىن دېمەسلىك[يەشمىسى:] «ئۈن-تىن چىقارماسلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] ھېمىت بالدۇر كەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىسىمنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئايتىللا بۇ شوپۇر توغرىسىدا ئۈن-تىن دېمىدى.

ئۈن-تىنى يوق

  • ئۈن-تىنى يوق[يەشمىسى:] ئىز-دېرىكى يوق، ئىز-دېرەكسىز:[مىسال:] مەن بالىلىرىمنىڭ مۇنداق ياخشى كۈنلەرگە يەتكىنىنى نەدىن بىلەي، ئۈن-تىنى يوق، ئۆلۈپ كەتكەندىمۇ دەپ ئويلىدىم.

ئۈن-تىنسىز

  • ئۈن-تىنسىز[يەشمىسى:] ① ئۈن-تىن يوق، ئۈن-تىن چىقارماي، ئاۋاز چىقارماي، شەپىسىز:[مىسال:] لېكىن ئۇ ئۈن-تىنسىز يىغلاش ئارقىلىق خورمىنى يېگەنلىكىنى ئىقرار قىلغانىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆز ئىچىدە، ھېچكىمگە تىنماي:[مىسال:] ئۇ نەچچە يىلدىن بېرىقى سېغىنىشلىرىنى كۆز يېشى ۋە ئۈن-تىنسىز تارتقان روھىي ئازابلىرىنى نېمە بىلەن مەلۇم قىلىدۇ[يەشمىسى:] ③ ھېچبىر گەپ-سۆز قىلماي، زۇۋان سۈرمەي، جىممىدە:[مىسال:] ئۇ قورققىنىدىن بېشىنى يەردىن ئۈستۈن قىلماي، ئۈن-تىنسىز ئولتۇ ئۇقتۇرۇپ قويمايلا، بىسوراقسىز؛ دەپ قويمايلا، ئۆز بېشىغا:[مىسال:] بالا ئۈن-تىنسىز يوقاپ كەتتى.

ئۈنچە

  • ئۈنچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەرۋايىت، ئۇششاق مەرۋايىت.

ئۈنچە-مارجان

  • ئۈنچە-مارجان[يەشمىسى:] ئۈنچە ۋە مارجان:[مىسال:] ئارپا-بۇغداي ئاش ئىكەن، ئۈنچە-مارجان تاش ئىكەن (ماقال).

ئۈنچە-مەرۋايىت

  • ئۈنچە-مەرۋايىت[يەشمىسى:] ئۈنچە ۋە مەرۋايىت:[مىسال:] ئۈنچە-مەرۋايىت سېتىۋالماق.

ئۈنچۈك

  • ئۈنچۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاچا تۇياق ھايۋانلارنىڭ تۇياقتىن بېغىشىغىچە بولغان ئىككى تال ئۇستىخىنى.

ئۈنچىقماس

  • ئۈنچىقماس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]ئۈن+چىقماس[[يەشمىسى:] ئۈن چىقمايدىغان، زۇۋان سۈرمەيدىغان، كۆپ گەپ قىلمايدىغان، ئۈندىمەس؛ گەپ قىلماس:[مىسال:] ئۈنچىقماس ئادەم.

ئۈندەتمەك

  • ئۈندەتمەك[يەشمىسى:] «ئۈندىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئۈندەش

  • ئۈندەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① چاقىرىش، قىچقىرىش، دەۋەت قىلىش.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] سۆزلىگۈچىنىڭ تۈرلۈك ھېسسىياتى، پوزىتسىيىسىنى ياكى چاقىرىش، ئۈندەش مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] ئۈندەش بەلگىسى.

ئۈندەش بەلگىسى

  • ئۈندەش بەلگىسى[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تىنىش بەلگىلىرىدىن بىرى (!). ئوي-پىكىرنىڭ ئۈندەش ۋە بۇيرۇق تەرزىدە ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۈندەش جۈملە

  • ئۈندەش جۈملە[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] قويۇق ھېس-كەيپىياتنى بىلدۈرىدىغان جۈملە. مەسىلەن، «ۋايجان»، «نېمىدېگەن ياخشى»، «ئەجەبا، سىزمۇ كېلىپ قاپسىز» دېگەنلەرگە ئوخشاش. يېزىق تىلىدا، ئۈندەش جۈملىنىڭ ئاخىرىغا ئۈندەش بەلگىسى (!) قويۇلىدۇ.

ئۈندەش سۆزلەر

  • ئۈندەش سۆزلەر[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] «ئىملىق سۆزلەر»گە قاراڭ.

ئۈندەشمەك

  • ئۈندەشمەك[يەشمىسى:] «ئۈندىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۈندەك

  • ئۈندەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈندەش، چاقىرىش، دەۋەت ياكى دەۋەت قىلىش.

ئۈندەككە كەلمەك

  • ئۈندەككە كەلمەك[يەشمىسى:] ① بۈركۈت، قارچىغا، قۇرغۇي، قارا قۇچقاچ، تۇمۇچۇق قاتارلىق قۇشلار باققۇچىسىنىڭ ئۈندىشىگە ئۆگەنمەك. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قولغا كەلمەك، كۆڭلىنىڭ مايىللىقى بىلەن قارشى تەرەپكە ئۆتمەك، تەلىپىگە ماقۇل بولماق:[مىسال:] ئۇ يېقىندىن بۇيان خېلى ئۈندەككە كېلىپ قالدى.

ئۈندەلمەك

  • ئۈندەلمەك[يەشمىسى:] «ئۈندىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئۈندۈرمە

  • ئۈندۈرمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاشلىق دانلىرىدىن ئۈنۈپ چىققان ئاق بىخ، مايسا:[مىسال:] ئۈندۈرمە قىلماق. پۇرچاق ئۈندۈرمىسى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەيدانغا كېلىش، پەيدا بولۇش ئالدىدا تۇرغان بىرەر ھالەت ياكى بىر ئىش، مەسىلە؛ ھامىلە:[مىسال:] بۇ ھال داۋۇتنىڭ قەلبىدە ھەسەت ئۈندۈرمىسى پەيدا قىلدى.

ئۈندۈرمەك

  • ئۈندۈرمەك[يەشمىسى:] ① «ئۈنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] گۈل ئۈندۈرمەك. زىرائەت ئۈندۈرمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قايتۇرۇۋالماق، تۆلىتىۋالماق، تولدۇرۇۋالماق:[مىسال:] قەرزنى ئۈندۈرمەك. زىياننى ئۈندۈرۈۋالماق. * ئەمدى ئۇ سائەتنىڭ ئورنىغا 40 كوي ئۈندۈردى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرنەرسە ئالماق، ھاسىل قىلماق:[مىسال:] پايدا ئۈندۈرمەك. نەپ ئۈندۈرمەك.

ئۈندۈرۈشمەك

  • ئۈندۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ئۈندۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك رەرىجىسى.

ئۈندۈرۈلمەك

  • ئۈندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئۈندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] گۈل ئۈندۈرۈلمەك.

ئۈندىمەس

  • ئۈندىمەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈندىمەيدىغان، زۇۋان سۈرمەيدىغان، ناھايىتى ئاز گەپ-سۆز قىلىدىغان، گەپ-سۆزى ئاز:[مىسال:] ئۈندىمەس ئادەم.

ئۈندىمەك

  • ئۈندىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى قىلىشقا، بېجىرىشكە چاقىرماق، دەۋەت قىلماق، تەشەببۇس قىلماق:[مىسال:] مېھمانلار مۇسىبەت ئۈستىدە بولۇپ تۇرىدىغان ئەنئەنىۋى ئادەتكە ئاساسەن ئانىنى كۆز يېشى قىلماسلىققا ئۈندىدى.

ئۈندىمەي

  • ئۈندىمەي[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۈن چىقارماي، زۇۋان سۈرمەي، جىممىدە:[مىسال:] ئۈندىمەي تۇرۇپ قالماق.

ئۈنسىز

  • ئۈنسىز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈنى يوق، ئۈن چىقمايدىغان، ئاۋازسىز:[مىسال:] ئۈنسىز تاپانچا. ئۈنسىز مىلتىق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۈن چىقارماي، گەپ-سۆز قىلماي، زۇۋان سۈرمەي، جىممىدە:[مىسال:] قىز چېچىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ ئۈنسىز يىغلىدى.

ئۈنلەپ

  • ئۈنلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۈن چىقىرىپ، ئاۋاز چىقىرىپ:[مىسال:] تۇتتى ئۈنلەپ قاقتى قانات خۇشامەتتە، خۇشياقمىدى خوجىسىغا شۇ سائەتتە.

ئۈنلەتمەك

  • ئۈنلەتمەك[يەشمىسى:] «ئۈنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] پويىزنى سۆرىگەن بۇقىسى، ناغرىنى ئۈنلەتكەن چوكىسى (ماقال).

ئۈنلەشمەك

  • ئۈنلەشمەك[يەشمىسى:] «ئۈنلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۈنلۈك

  • ئۈنلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇقىرى، كۈچلۈك، جاراڭلىق:[مىسال:] نېمە دەيسىز، دادامنىڭ قاتىلى ئابدۇللامۇ دېدى دۇرنەم ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن.

ئۈنلۈكلەشمەك

  • ئۈنلۈكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۈنلۈك بولماق، ئاۋازى يۇقىرى چىقماق:[مىسال:] بايىقىغا قارىغاندا ئاستىراق بىر تاۋۇشتا غورۇڭ-غورۇڭ سۆزلىشىش ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئارىدىن ئون بەش مىنۇتچە ۋاقىت ئۆتۈپ تاۋۇشلار بىرئاز ئۈنلۈكلىشىپ كېلىشكە باشلىدى.

ئۈنلىمەك

  • ئۈنلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۈن چىقارماق، ئاۋاز چىقارماق، توۋلىماق، سايرىماق:[مىسال:] بىرچاغ ئاسمان كۆكىدىن، مەھەللە ياقتىن-تۆپىدىن، كەپتەر كېلىپ ئۈنلەپتۇ، «ئۆيگە بار» دەپ ئۈندەپتۇ.

ئۈنمەك

  • ئۈنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىخلىنىپ، يىلتىز تارتىپ، يەر ئۈستىگە چىقماق (دان، ئۇرۇق ۋە ئۆسۈملۈكلەر ھەققىدە):[مىسال:] تەرمىسەڭ ئۈنەمدۇ (ماقال). * ئۇ يەردە دەرەخلەر كۆكلەپ، گۈل-گىياھلار ئۈنۈپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قەپقالماق، تۆرەلمەك (بالا ھەققىدە):[مىسال:] قورساقتا ئۈنۈپ قالماق. قورساققا بالا ئۈنمەك.[يەشمىسى:] ③ پەيدا بولماق، ھازىر بولماق، كەلمەك:[مىسال:] بۇ ھاراقكەش نەدىن ئۈندى. * مەن كىشىلەر نامازدىن چىقماستىن بۇرۇن، بارىدىغان يېرىمگە ئۈنۈشۈم كېرەك ئىدى.[يەشمىسى:] ④ راۋاجلانماق، روناق تاپماق، گۈللەنمەك:[مىسال:] ھۈنەر قىلسا ئۈنەر (ماقال).

ئۈنۈم

  • ئۈنۈم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىر خىل كۈچ، ئۇسۇل، چارە ياكى ئامىل، سەۋەب پەيدا قىلغان ئىجابىي نەتىجە:[مىسال:] ئۇ پۇل-مال بىلەن ئالداش ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن، زورلۇق بىلەن گۈلنارخاننى مېھمانخانىغا سۆرەپ ئېلىپ ماڭدى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم نەرسىنىڭ پايدىلىق رولى، تەسىرى:[مىسال:] دورىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمەك.[يەشمىسى:] ③ بىرەر نەرسىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەييارلاش قابىلىيىتى؛ ئۈنۈمدارلىق، ھوسۇلدارلىق:[مىسال:] ماشىنىنىڭ ئىش ئۈنۈمى. ئەمگەك ئۈنۈمى. ئۈنۈم نىسبىتى.

ئۈنۈمدار

  • ئۈنۈمدار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈنۈمى بار، ئۈنۈملۈك:[مىسال:] ئۈنۈمدار يەر. ئۈنۈمدار ئېتىز.

ئۈنۈمدارلىق

  • ئۈنۈمدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۈنۈم بېرىش، ئۈنۈمى بارلىق، ئۈنۈمگە ئىگىلىك. [يەشمىسى:] ② تۇپراقنىڭ مۇنبەتلىك دەرىجىسى:[مىسال:] يېشىل ئوغۇتلۇق ئۆسۈملۈك كۆپ تېرىلىپ، يەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ئاشۇرۇلدى.[يەشمىسى:] ③ مەلۇم نەرسىنىڭ ئۈنۈم، پايدا يارىتىش ئىقتىدارى، كۈچى؛ ئۈنۈمى:[مىسال:] يېڭى چىققان يۇمران كۆكتاتلارنىڭ قان تازىلاش، قاندىكى تۆمۈر ماددىسىنى تولدۇرۇش ئۈنۈمدارلىقى ياخشى.[يەشمىسى:] ④ ئىش، خىزمەت، ئەمگەك قاتارلىقلارنىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ئورۇنلانغان مىقدارى، نىسبىتى:[مىسال:] ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى. ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرمەك.

ئۈنۈمسىز

  • ئۈنۈمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۈنۈمى يوق، ئۈنۈمى تۆۋەن:[مىسال:] ئۈنۈمسىز ئىش. ئۈنۈمسىز يەر. ئۈنۈمسىز ئېتىز.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] سۆز ياساش ئىقتىدارى چەكلىك:[مىسال:] ئۈنۈمسىز قوشۇمچىلار.

ئۈنۈمسىزلىك

  • ئۈنۈمسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈنۈمى تۆۋەنلىك، ئۈنۈمى يوقلۇق:[مىسال:] يەرنىڭ ئۈنۈمسىزلىكى. * بىز يېڭى ئىشلىگەن ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئۈنۈمسىزلىكىدىن ئاز بولمىغان زىيانلارنى تارتتۇق.

ئۈنۈملۈك

  • ئۈنۈملۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۈنۈمى بار، ئۈنۈمى، نەتىجىسى كۆپ:[مىسال:] ئۈنۈملۈك چارە. ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. ئۈنۈملۈك يول. ئۈنۈملۈك تەدبىر. ئۈنۈملۈك دورا.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] سۆز ياساش رولى، ئىقتىدارى كۈچلۈك، كەڭ:[مىسال:] ئۈنۈملۈك قوشۇمچىلار.

ئۈيۈر

  • ئۈيۈر[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توپ، پادا:[مىسال:] ئاتىسى باشقىنى خۇدا قوشىدۇ، ئۈيۈرى باشقىنى نوختا قوشىدۇ (ماقال). * مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، يىلقىنىڭ ھەربىر ئۈيۈرىدە بىر ئايغىر بولىدىكەن. ئايغىر ئۆز ئۈيۈرىنى يىرتقۇچلاردىن قوغدايدىكەن، ھەتتا ئۆز ئۈيۈرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىكەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر ئۈيۈر يىلقا.