ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

5 ت 🔗

ت

تا

تائام

تائەبەد

تائەت

تائەت-ئىبادەت

تابلېتكا

تابىئە

تاپⅠ

تاپⅡ

تاپ بېسىپ

تاپتىن چىقماق

تاپقا كىرمەك

تاپⅢ

تاپⅣ

تاپا

تاپا-تەنە

تاپارمەن

تاپان

تاپان باستى

تاپان باستۇرۇپ

تاپان تەشتى

تاپان ھەققى

تاپان يالىماق

تاپىنى تېشىلگۈدەك بولماق

تاپىنىدىن كىرىپ مېڭىسىدىن چىقماق

تاپىنى قىزىماق

تاپىنىنىڭ كىرىنى شۈممەك

تاپىنىنى يالىماق

تاپىنىنى يەرگە تەگكۈزمەي

تاپىنى يەرگە تەگمەي

تاپانچا

تاپانچىلىق

تاپانداشماق

تاپاندىماق

تاپانلىق

تاپاۋەت

تاپاۋەتچى

تاپاۋەتلىك

تاپتۇرماق

تاپسا

تاپسىلىق

تاپشۇرتماق

تاپشۇرما

تاپشۇرماق

تاپشۇرۇشماق

تاپشۇرۇق

تاپشۇرۇلماق

تاپقاق

تاپقان-تەرگەن

تاپقان-تۈگكەن

تاپقۇر

تاپقۇرلۇق

تاپماق

تاپىر

تاپىلاشماق

تاپىلانماق

تاپىلىماق

تات

تاتاتلاتماق

تاتاتلىماق

تاتار

تاتارتماق

تاتارچە

تاتارماق

تاتازا

تات-تات

تاتق

تاتلىق

تاتلىق-تۇرۇم

تاتلىقلىق

تاتلىقياڭيۇ

تاتۇق

تاتىراڭ

تاتىراڭغۇ

تاتىراڭلىق

تاتىرىشماق

تاتىلاتماق

تاتىلاشتۇرماق

تاتىلاشماق

تاتىلانماق

تاتىلداتماق

تاتىلداشماق

تاتىلدىماق

تاتىلىغۇچ

تاتىلىماق

تاج

تاجاۋۇز

تاجاۋۇزچى

تاجاۋۇزچىلىق

تاجاۋۇزلۇق

تاج-تەخت

تاجدار

تاج-دۆلەت

تاجسىز

تاجسىمان

تاجلىق

تاجىك

تاجىكچە

تاجىگۈل

تاخ

تاختا

تاختاي

تاختايباھاسى

تاختايلىق

تاختىپەر

تاختىسىمان

تاختىلاتماق

تاختىلاشماق

تاختىلانماق

تاختىلىماق

تاختىمۈشۈك

تاختىۋېشى

تاختىۋېشىغا ئېلىپ قويماق

تاخسا

تاخېئومېتىر

تادان

تادانلىق

تارⅠ

تارⅡ

تاراتماقⅠ

تاراتماقⅡ

تارازا

تارازىچى

تارازىيۇلتۇز

تاراس

تاراس-تاراس

تاراس-تۇرۇس

تاراسلاتماق

تاراسلاشماق

تاراسلىماق

تاراش

تاراشلاتماق

تاراشلاشماق

تاراشلاقسىز

تاراشلاقلىق

تاراشلانماق

تاراشلىماق

تاراشماقⅠ

تاراشماقⅡ

تاراق

تاراق-تاراق

تاراق-تۇرۇق

تاراقچۆپ

تاراققىدە

تاراقلاتماق

تاراقلاشماق

تاراقلىماق

تاراڭ

تاراڭ-تاراڭ

تاراڭ-تۇرۇڭ

تاراڭلاتماق

تاراڭلاشماق

تاراڭلىماق

تارالماقⅠ

تارالماقⅡ

تارام

تارام-تارام

تاراملاتماق

تاراملاشماق

تاراملىق

تاراملىماق

تارانⅠ

تارانⅡ

تارانچى

تاراندۇرماق

تارانماق

تاراۋى

تارايتماق

تارايتىشماق

تارايتىلماق

تارايماق

تارت

تار-تاپچۇق

تارت-تارت

تارت-تۇرت

تارتقۇⅠ

تارتقۇⅡ

تارتقۇⅢ

تارتقۇچ

تارتقۇچلاشماق

تارتقۇچلانماق

تارتقۇچلىماق

تارتقۇزماق

تارتقۇلۇق

تارتماⅠ

تارتماⅡ

تارتماⅢ

تارتماق

تارتۇق

تارتۇقلاتماق

تارتۇقلاشماق

تارتۇقلانماق

تارتۇقلۇق

تارتۇقلىماق

تارتىشتۇرماق

تارتىشماق

تارتىشىش

تارتىقلىق

تارتىلداتماق

تارتىلداشماق

تارتىلدىماق

تارتىلماق

تارتىم

تارتىملىق

تارتىنچاق

تارتىنچاقلىق

تارتىنماق

تارتىنىشماق

تارچۇق

تارچۆپ

تارچىلىق

تارخان

تارس

تارس-تارس

تارس-تۇرس

تارسسىدە

تارسىلداتماق

تارسىلداشماق

تارسىلدىماق

تارغاق

تارغاقچى

تارغاق-سۈزگۈچ

تارغاقسىمان

تارقاتماق

تارقاشماق

تارقاق

تارقاقلاشتۇرماق

تارقاقلاشتۇرۇشماق

تارقاقلاشتۇرۇلماق

تارقاقلاشماق

تارقاقلىق

تارقالماق

تارقىتىلماق

تارقىلىشچان

تارقىلىشچانلىق

تارقىماق

تارلاتماق

تارلاشتۇرماق

تارلاشتۇرۇشماق

تارلاشتۇرۇلماق

تارلاشماق

تارلاڭ

تارلىقⅠ

تارلىقⅡ

تارلىماق

تارمار

تارماق

تارماقلاتماق

تارماقلانماق

تارماقلىق

تارماقلىماق

تارىخ

تارىخچى

تارىخچىلىق

تارىخشۇناس

تارىخشۇناسلىق

تارىخىي

تارىخىيلىق

تارىشا

تارىشىسىمان

تارىشىلانماق

تارىقاي

تارىماقⅠ

تارىماقⅡ

تارىمۇش

تاز

تېزىنى باسسا، مېزى چىقماق

تازاⅠ

تازاⅡ

تازىلاتماق

تازىلاشماق

تازىلانماق

تازىلىق

تازىلىماق

تاسⅠ

تاس قالماق

تاسⅡ

تاسادىپ

تاسادىپەن

تاسادىپىي

تاسادىپىيلىق

تاس-تاس

تاس-تاماس

تاس-تۇس

تاسسىدە

تاسقاتماق

تاسقاشماق

تاسقاق

تاسقاقچىلىق

تاسقاقسىز

تاسقاقلىق

تاسقالماق

تاسقام

تاسقىماق

تاسما

تاسمىبېلىق

تاسمىچى

تاسمىچىلىق

تاسمىسىمان

تاسمىلىق

تاشⅠ

تاشتىن ياغ چىقىرىدىغان

تاش چۈشكەن يېرىدە ئەزىز

تاش چىشلىۋالغاندەك

تاشنى تاياققا تاڭماق

تاش يەپ، قۇم چىقىرىدىغان

تاشⅡ

تاش گۆر

تاشا

تاشايىن

تاشئالما

تاشئەينەك

تاشبۈرگۈن

تاشپاختا

تاشپاقا

تاشپۇرچاق

تاشتەرمەك

تاش-تۇپراق

تاشتۇرماق

تاشتۈز

تاشتۈلەك

تاشتىراش

تاشچاي

تاشچېچەك

تاشچى

تاشچىلىق

تاشچىۋىنى

تاشسامساق

تاشسىز

تاشسىمان

تاشقورچاق

تاشقى

تاشقىرى

تاشقىرىقى

تاشقىلاتماق

تاشقىلىماق

تاشقىن

تاشقىنلىق

تاشقىنلىماق

تاشكۆمۈر

تاشگۈل

تاشلاتماقⅠ

تاشلاتماقⅡ

تاشلاشماقⅠ

تاشلاشماقⅡ

تاشلاق

تاشلاندۇق

تاشلانماقⅠ

تاشلانماقⅡ

تاشلىقⅠ

تاشلىقⅡ

تاشلىقⅢ

تاشلىقⅣ

تاشلىماقⅠ

تاشلىماقⅡ

تاشما

تاشماق

تاشئوت

تاشئېگىر

تاشىرقىماق

تاشيارغان

تاشيول

تاغ

تاغ يۈرەك

تاغا

تاغار

تاغاردا بىر

تاغار-تاغار

تاغارچى

تاغارچىلىق

تاغارلاپ

تاغارلىق

تاغاق

تاغ-تاش

تاغچى

تاغچىلىق

تاغ-دالا

تاغ-داۋان

تاغ-دەريا

تاغدېنىⅠ

تاغدېنىⅡ

تاغدىن-باغدىن

تاغلىق

تاغمۇتاغ

تاغۇتاش

تاغىل

تاقⅠ

تاق سان

تاقⅡ

تاقⅢ

تاقⅣ

تاقاⅠ

تاقاⅡ

تاقابىل

تاقاتماق

تاقاراشماق

تاقاشماق

تاقاقⅠ

تاقاقⅡ

تاقاقخانا

تاقاقلىق

تاقالماق

تاقەت

تاقەتسىز

تاقەتسىزلەندۈرمەك

تاقەتسىزلەنمەك

تاقەتسىزلىك

تاقەتلىك

تاقتاق

تاق-تاق

تاق-تۇق

تاققا-تۇققاⅠ

تاققا-تۇققاⅡ

تاققىدە

تاقلاتماقⅠ

تاقلاتماقⅡ

تاقلاشماقⅠ

تاقلاشماقⅡ

تاقلانماق

تاقلىماقⅠ

تاقلىماقⅡ

تاقىچى

تاقىچىلىق

تاقىرⅠ

تاقىرⅡ

تاقىراق

تاقىراق-تاقىراق

تاقىراق-تۇقۇرۇق

تاقىر-تاقىر

تاقىر-تۇقۇر

تاقىرلاتماق

تاقىرلاشماقⅠ

تاقىرلاشماقⅡ

تاقىرلانماق

تاقىرلىق

تاقىرلىماق

تاقىسىز

تاقىسىزلىق

تاقىسىمان

تاقىلاتماق

تاقىلاشماق

تاقىلاقسىز

تاقىلاقلىق

تاقىلانماق

تاقىلداتماق

تاقىلداشماق

تاقىلدىتىشماق

تاقىلدىماق

تاقىلىق

تاقىلىماق

تاقىم

تاقىماق

تاك

تاكا

تاكاس

تاكاس-تاكاس

تاكاس-تۇكۇس

تاكاسلاتماق

تاكاسلاشماق

تاكاسلىماق

تاكاللاشقاق

تاكاللاشماق

تاكامۇل

تاكامۇللاشتۇرماق

تاكامۇللاشتۇرۇلماق

تاكامۇللاشماق

تاكت

تاكتاك

تاك-تاك

تاكتاكچى

تاكتاكچىلىق

تاكتلىق

تاكتىكا

تاكتىكىچى

تاكتىكىسىز

تاكتىكىسىزلىق

تاكتىكىلىق

تاكسى

تاككىدە

تاكېسەي

تاكى

تاكىراڭ

تاكىراڭ-تاكىراڭ

تاكىراڭ-تۇكۇرۇڭ

تاكىراڭلاتماق

تاكىراڭلاشماق

تاكىراڭلىماق

تاكىلداتماق

تاكىلدىماق

تاڭⅠ

تاڭ ئاتماق

تاڭ ئاشۇرماق

تاڭⅡ

تاڭⅢ

تاڭⅣ

تاڭەي

تاڭ-تاڭ

تاڭ-تۇڭ

تاڭجاڭ

تاڭدۇرماق

تاڭزۇڭزا

تاڭزۇڭزىچى

تاڭسۇق

تاڭشىر

تاڭغۇت

تاڭگا

تاڭگازا

تاڭگازىچى

تاڭگازىچىلىق

تاڭگىر-تۇڭگۇر

تاڭڭىدە

تاڭلا

تاڭلا قىيامەت

تاڭلاي

تاڭماق

تالⅠ

تالⅡ

تالⅢ

تالاⅠ

تالاغا قارىماق

تالاⅡ

تالاⅢ

تالاⅣ

تالاپەت

تالاپەتسىز

تالاپەتلىك

تالا-تالا

تالاتماق

تالا-تۈز

تالاش

تالاش-تارتىش

تالاشتۇرماق

تالاشتۇرۇشماق

تالاشتۇرۇلماق

تالاشماق

تالاق

تالاڭ

تالاڭچى

تالاڭچىلىق

تالالىقⅠ

تالالىقⅡ

تالان

تالانت

تالان-تاراج

تالانتسىز

تالانتسىزلىق

تالانتشۇناس

تالانتلىق

تالانماق

تالاي

تالاي-تالاي

تال-تال

تاڭگىر-تۇڭگۇر

تالجىقتۇرماق

تالجىقماق

تالدۇرماق

تالستوپكا

تالقالىق

تالقان

تالقان تۆكتى

تالقانلىق

تالقىتماق

تالك

تالگۈل

تاللاتماق

تاللاشماق

تاللانما

تاللانماق

تاللىق

تاللىماق

تاللىي

تالماق

تالون

تالونسىز

تالونلۇق

تالمۇد

تالىپ

تالىپلىق

تالىماق

تام

تام تېشەر

تامغا ئۈسۈۋالماق

تاما-تاما

تاماشا

تاماشىبىن

تاماشىچى

تاماق (تا:ماق)

تاماقⅠ

تاماقⅡ

تاماقⅢ

تاماقⅣ

تاماقخانا

تاماقلاندۇرماق

تاماقلانماق

تاماقلىماق

تاماقۋاغ

تاماكا

تاماكىچى

تاماكىچىلىق

تاماكىزارلىق

تامام

تامامەن

تاماملاتماق

تاماملاشماق

تاماملانماق

تاماملىماق

تامامىي

تامان

تامبال

تامباللىق

تامپوتلىسى

تامپېلەك

تام-تورۇس

تامتۇق

تامچە

تامچە-تامچە

تامچى

تامچىقۇرت

تامچىلاتماق

تامچىلىق

تامچىلىماق

تامدۇرماق

تامدۇرۇلماق

تامشاق

تامغا

تامغىسىز

تامغىلاتماق

تامغىلاشماق

تامغىلانماق

تامغىلىق

تامغىلىماق

تاملىق

تامماق

تاموژنا

تاموژنىچى

تانا

تاناب

تانابىنى تارتماق

تانابلىماق

تاناسىپ

تاناسىپلىق

تاناي

تاناسىل

تانتال

تاندۇرماق

تاندۇرۇشماق

تاندۇرۇلماق

تانسا

تانسىچى

تانسىخانا

تانسىكەش

تانكا

تانكىئاتار

تانكىچى

تانكىچىلىق

تانگو

تانگېنىس

تانماق

تاۋⅠ

تاۋⅡ

تاۋا

تاۋابىئات

تاۋاپ

تاۋاپچى

تاۋاپگاھ

تاۋار

تاۋار-تورقا

تاۋار-دۇردۇن

تاۋارگۈل

تاۋارلاشتۇرماق

تاۋارلاشتۇرۇشماق

تاۋارلاشتۇرۇلماق

تاۋارلاشماق

تاۋاقⅠ

تاۋاق قىلماق

تاۋىقىغا توپا چۈشمەك

تاۋاقⅡ

تاۋاق-تاۋاق

تاۋاقچى

تاۋاقچىلىق

تاۋكا

تاۋكاچى

تاۋلاتماق

تاۋلاشماق

تاۋلانماق

تاۋلىق

تاۋلىماق

تاۋۇت

تاۋۇتلۇق

تاۋۇز

تاۋۇزى قولتۇقىدىن چۈشۈپ كەتمەك

تاۋۇزەك

تاۋۇزلۇق

تاۋۇش

تاۋۇش ئېلېمېنتى

تاۋۇشسىز

تاۋۇشلۇق

تاۋۇشلۇق يېزىق

تاۋىدا

تاۋىدان

تاۋىماق

تائىپە

تايⅠ

تايⅡ

تاياق

تاياق-توقماق

تاياقچە

تاياقچى

تاياق-دۇمبا

تاياقسىمان

تاياقۋاز

تاياقۋازلىق

تايانچ

تايانچسىز

تايانچلىق

تايانچۇق

تايانماق

تايتاڭ

تايتاڭ-تايتاڭ

تايتاڭلاتماق

تايتاڭلاشماق

تايتاڭلىماق

تايچاق

تايدۇرماق

تايدۇرۇشماق

تايدۇرۇلماق

تايغاق

تايغان

تايلاتماق

تايلاشماق

تايلاق

تايلاقلىقⅠ

تايلاقلىقⅡ

تايلانماق

تايلىقⅠ

تايلىقⅡ

تايلىماق

تايماق

تايىن

تايىنى بار

تايىنى يوق

تايىنچا

تايىنسىز

تايىنسىزلىق

تايىنلىق

تايىنىلماق

تەئەججۈپ

تەئەججۈپلەندۈرمەك

تەئەججۈپلەندۈرۈلمەك

تەئەججۈپلەنمەك

تەئەججۈپلىنەرلىك

تەئەججۈپلۈك

تەئەججۈپلىنىشمەك

تەئەددى

تەئەسسۇپ

تەئەللۇق

تەئەللۇقات

تەبەر

تەبەسسۇم

تەبرىك

تەبرىكلەشمەك

تەبرىكلەنمەك

تەبرىكلىمەك

تەبرىكنامە

تەبىئەت

تەبىئەتشۇناس

تەبىئەتشۇناسلىق

تەبىئەتلىك

تەبىر

تەبىرچى

تەبىرنامە

تەبىقە

تەبىقىچىلىك

تەبىقىلەنمەك

تەبىقىلىك

تەبىئىي

تەبىئىي پەن

تەبىئىي سان

تەبىئىيلىك

تەپⅠ

تەپⅡ

تەپەككۇر

تەپت

تەپتۈرمەك

تەپتىش

تەپچە

تەپچىتمەكⅠ

تەپچىتمەكⅡ

تەپچىرىمەك

تەپچىشمەك

تەپچىك

تەپچىلمەك

تەپچىمەكⅠ

تەپچىمەكⅡ

تەپرىقە

تەپرىقىچى

تەپرىقىچىلىك

تەپرىقىۋاز

تەپرىقىۋازلىق

تەپسىر

تەپسىرچى

تەپسىلات

تەپسىلىي

تەپكەⅠ

تەپكەⅡ

تەپكەك

تەپكۈچ

تەپكىلىك

تەپمەⅠ

تەپمەⅡ

تەپمە ھالال

تەپمەك

تەپسە تەۋرىمەس

تەپىلە

تەتەي

تەتبىق

تەتبىقلاتماق

تەتبىقلاشماق

تەتبىقلانماق

تەتبىقلىماق

تەتقىق

تەتقىقات

تەتقىقاتچى

تەتقىقاتچىلىق

تەتۈر

تەتۈر تاناسىپ

تەتۈر قارىماق

تەتۈرلۈك

تەتۈرىچە

تەتىل

تەتىللا

تەتىللىك

تەجرىبە

تەجرىبە-ساۋاق

تەجرىبىچىلىك

تەجرىبىخانا

تەجرىبىسىز

تەجرىبىسىزلىك

تەجرىبىلىك

تەخ

تەخەللۇس

تەخەللۇسلۇق

تەخەي

تەخەيلەتمەك

تەخەيلىك

تەخەيلىمەك

تەخت

تەختلىك

تەختىراۋان

تەختىراۋانچى

تەخسە

تەخسە كۆتۈرمەك

تەخسىسى چېقىلماق

تەخسىچى

تەخسىچىلىك

تەخسىرات

تەخسىراتقا كەتمەك

تەخسىسىمان

تەخسىكەش

تەخسىكەشلىك

تەخسىلىك

تەخلەتمەك

تەخلەشمەك

تەخلەنمەك

تەخلىمەك

تەخمۇتەخ

تەخمىس

تەخمىن

تەخمىنەن

تەخمىنلەنمەك

تەخمىنلىمەك

تەخمىنىي

تەخىر

تەخىرسىز

تەخىرسىزلىك

تەدبىر

تەدبىرچان

تەدبىرچانلىق

تەدبىرسىز

تەدبىرسىزلىك

تەدبىرلىك

تەدرىجىي

تەرⅠ

تەر تۆكمەك

تەرⅡ

تەرى تۇتۇلماق

تەرى سۆرۈن

تەرەپ

تەرىپىنى ئالماق

تەرەپباز

تەرەپبازلىق

تەرەپ-تەرەپ

تەرەپدار

تەرەپدارلىق

تەرەپلىك

تەرەپلىمە

تەرەپلىمىلىك

تەرىتى بوش

تەرىتى چىڭ

تەرەتخانا

تەرەتسىز

تەرەتلىك

تەرەددۇت

تەرەددۇتسىز

تەرەددۇتسىزلىق

تەرەددۇتلانماق

تەرەددۇتلۇق

تەرەققىي

تەرەققىيات

تەرەققىيپەرۋەر

تەرەققىيپەرۋەرلىك

تەرەققىيلەشتۈرمەك

تەرەققىيلەشمەك

تەرەڭ

تەرەڭلىك

تەربىيە

تەربىيىچى

تەربىيىچىلىك

تەربىيىسىز

تەربىيىسىزلىك

تەربىيىلەتمەك

تەربىيىلەشمەك

تەربىيىلەنگۈچى

تەربىيىلەنمەك

تەربىيىلىك

تەربىيىلىمەك

تەربىيىۋى

تەرتە

تەرتىپ

تەرتىپسىز

تەرتىپسىزلەشمەك

تەرتىپسىزلىك

تەرتىپلىك

تەرتىپ-ئىنتىزام

تەرجىمان

تەرجىمانلىق

تەرجىمە

تەرجىمىشۇناس

تەرجىمىشۇناسلىق

تەرجىمىچىلىك

تەرجىمىھال

تەرجىئىبەند

تەرخەمەك

تەرخەمەكلىك

تەرز

تەرزدە

تەرسا

تەرسالاشماق

تەرسالىق

تەرغىب

تەرغىبات

تەرغىباتچى

تەرغىباتچىلىق

تەرك

تەركىب

تەركىبباز

تەركىببازلىق

تەركىبلىك

تەركىبىي

تەركىجاھان

تەركىدۇنيا

تەركىدۇنياچىلىق

تەركىدۇنيالىق

تەركىن

تەرگا

تەرگەشمەك

تەرگەلمەك

تەرگەن-تۈگكەن

تەرگەۋ

تەرگەۋچى

تەرگەۋچىلىك

تەرگەۋسىز

تەرگۈزمەك

تەرگىمەك

تەرلەپ-پىشىپ

تەرلەپ-تەپچىپ

تەرلەپ-تەپچىرەپ

تەرلەتمەك

تەرلەشمەك

تەرلەنمەك

تەرلىك

تەرلىمەك

تەرمە

تەرمەچ

تەرمەك

تەرمىلەر

تەرۋاز

تەرۋازلىق

تەرىپ

تەرىپلەتمەك

تەرىپلەشمەك

تەرىپلەنمەك

تەرىپلىمەك

تەرىقە

تەرىقەت

تەرىقەتچى

تەرىقەتچىلىك

تەرىقىدە

تەرىقىلىق

تەزدۈرمەك

تەزكىرە

تەزكىرىچى

تەزكىرىچىلىك

تەزكىرىشۇناس

تەزكىرىشۇناسلىق

تەزمەك

تەزىم

تەزىيە

تەزىيەنامە

تەس

تەسەددۇق

تەسەررۇپ

تەسەللا

تەسەللايى

تەسەللى

تەسەۋۋۇپ

تەسەۋۋۇپچى

تەسەۋۋۇپچىلىق

تەسەۋۋۇر

تەستەك

تەستەكلەتمەك

تەستەكلەشمەك

تەستەكلەنمەك

تەستەكلىمەك

تەستىق

تەستىقلاتماق

تەستىقلاشماق

تەستىقلانماق

تەستىقلىماق

تەستىقىي

تەسكەنⅠ

تەسكەنⅡ

تەسكەي

تەسكىن

تەسلەشتۈرمەك

تەسلەشتۈرۈشمەك

تەسلەشتۈرۈلمەك

تەسلەشمەك

تەسلىك

تەسلىم

تەسلىمچى

تەسلىمچىلىك

تەسلىمنامە

تەسۋى

تەسۋىر

تەسۋىرچىلىك

تەسۋىرلەتمەك

تەسۋىرلەش

تەسۋىرلەشمەك

تەسۋىرلەنمەك

تەسۋىرلىمەك

تەسۋىرىي

تەسۋىسىمان

تەسۋىقوناق

تەسىر

تەسىرات

تەسىرچان

تەسىرچانلىق

تەسىرسىز

تەسىرسىزلىك

تەسىرلەندۈرگۈچ

تەسىرلەندۈرمەك

تەسىرلەندۈرۈلمەك

تەسىرلەنمەك

تەسىرلىك

تەسىرلىنىشمەك

تەسىس

تەشەببۇس

تەشەببۇسچان

تەشەببۇسچانلىق

تەشەببۇسچى

تەشەببۇسچىلىق

تەشەببۇسكار

تەشەببۇسكارلىق

تەشەببۇسلۇق

تەشەببۇسنامە

تەشەككۈر

تەشەككۈرنامە

تەشتەك

تەشتۈرمەك

تەشرىپ

تەشكۈت

تەشكىل

تەشكىلات

تەشكىلاتچى

تەشكىلاتچىلىق

تەشكىلچان

تەشكىلچانلىق

تەشكىلسىز

تەشكىلسىزلىك

تەشكىللەتمەك

تەشكىللەشمەك

تەشكىللەنمەك

تەشكىللىك

تەشكىللىمەك

تەشكىلىي

تەشمە

تەشمەك

تەشنا

تەشنالىق

تەشۋىش

تەشۋىشسىز

تەشۋىشلەندۈرمەك

تەشۋىشلەندۈرۈلمەك

تەشۋىشلەنمەك

تەشۋىشلىك

تەشۋىق

تەشۋىقات

تەشۋىقاتچى

تەشۋىقاتچىلىق

تەشۋىق-تەربىيە

تەشۋىق-تەرغىب

تەشۋىقىي

تەقەززا

تەقەززالىق

تەقدىرⅠ

تەقدىرⅡ

تەقدىر-تەنقىد

تەقدىرچىلىك

تەقدىرداش

تەقدىرداشلىق

تەقدىردە

تەقدىرلەتمەك

تەقدىرلەشمەك

تەقدىرلەنمەك

تەقدىرلىمەك

تەقدىرنامە

تەقدىر-ئىرادە

تەقدىم

تەقرىبىي

تەقرىز

تەقرىزچى

تەقرىزچىلىك

تەقسىر

تەقسىم

تەقسىمات

تەقسىماتچىلىق

تەقسىملەتمەك

تەقسىملەشمەك

تەقسىملەنمەك

تەقسىملىمەك

تەققاس

تەققاسلىماق

تەقلىد

تەقلىدتە

تەقلىدچى

تەقلىدچىلىك

تەقلىدىي

تەقۋا

تەقۋادار

تەقۋادارلىق

تەقۋالىق

تەقىب

تەقىبلەشمەك

تەقىبلەنمەك

تەقىبلىمەك

تەقى-تۇرقى

تەقىيە

تەك

تەكە

تەكەببۇر

تەكەببۇرانە

تەكەببۇرلاشتۇرماق

تەكەببۇرلاشماق

تەكەببۇرلۇق

تەكەللۇپ

تەكەللۇپچان

تەكەللۇپچى

تەكەللۇپسىز

تەكەللۇپلۇق

تەكەللۇم

تەكبىر

تەكت

تەكچە

تەكرار

تەكرارەن

تەكرار-تەكرار

تەكرارلاتماق

تەكرارلاشماق

تەكرارلانماق

تەكرارلىماق

تەكشۈرتمەك

تەكشۈرگۈچى

تەكشۈرمەك

تەكشۈرۈلمەك

تەكشى

تەكشىسىز

تەكشىسىزلىك

تەكشىلەتمەك

تەكشىلەشمەك

تەكشىلەنمەك

تەكشىلىك

تەكشىلىمەك

تەكلىپ

تەكلىپنامە

تەكلىك

تەكىت

تەكىتلەتمەك

تەكىتلەشمەك

تەكىتلەنمەك

تەكىتلىمەك

تەكىيە

تەكىيىسىمان

تەكىيىلىك

تەگⅠ

تەگكۈزمەك

تەگسىز

تەگكۈزۈلمەك

تەگلىك

تەگمەك

تەگمىش

تەگۋاز

تەڭ

تەڭ تۇرماق

تەڭ شېرىك

تەڭ-باراۋەر

تەڭباسقۇ

تەڭپۇڭ

تەڭپۇڭسىز

تەڭپۇڭسىزلاشتۇرماق

تەڭپۇڭسىزلاشتۇرۇشماق

تەڭپۇڭسىزلاشتۇرۇلماق

تەڭپۇڭسىزلاشماق

تەڭپۇڭسىزلىق

تەڭپۇڭلاشتۇرماق

تەڭپۇڭلاشتۇرۇلماق

تەڭپۇڭلاشماق

تەڭپۇڭلۇق

تەڭتۇش

تەڭتۇشلۇق

تەڭداش

تەڭداشسىز

تەڭداشلىق

تەڭدېمەت

تەڭدېمەتلىك

تەڭرى

تەڭرىقۇت

تەڭسىز

تەڭسىزلىك

تەڭشەتمەك

تەڭشەشمەك

تەڭشەك

تەڭشەكلىك

تەڭشەلمەك

تەڭشەلمىگەن ئالەم

تەڭشىگۈچ

تەڭشىمە

تەڭشىمەك

تەڭقۇر

تەڭقۇرام

تەڭقۇراملىق

تەڭقىس

تەڭقىسلىق

تەڭكەش

تەڭگە

تەڭگىتەمرەتكە

تەڭگىچە

تەڭگىسىمان

تەڭگىلىك

تەڭگىمۇخ

تەڭگىيوپۇرماق

تەڭلەتمەك

تەڭلەشتۈرمەك

تەڭلەشتۈرۈشمەك

تەڭلەشتۈرۈلمەك

تەڭلەشمەك

تەڭلەنمەك

تەڭلىك

تەڭلىك بەلگىسى

تەڭلىمات

تەڭلىماتلىق

تەڭلىمە

تەڭلىمەك

تەڭلىمىلىك

تەڭمۇتەڭ

تەڭنە

تەڭنىلىك

تەل

تەلە

تەلەپ

تەلەپپۇز

تەلەپچان

تەلەپچانلىق

تەلەپكار

تەلەپكارلىق

تەلەپنامە

تەلەت

تەلەڭگە

تەلەي

تەلەيدە بوڭ-بوڭ

تەلىيى كاج

تەلىيى ئوڭ

تەلەيسىز

تەلەيسىزلىك

تەلەيلىك

تەلپەك

تەلپىكى سۇغا چىلاشماق

تەلپىكىنى ئاسمانغا ئاتماق

تەلپىكى يەرگە چۈشمەك

تەلپەكساز

تەلپەكسازلىق

تەلپەكلىك

تەلپۈندۈرمەك

تەلپۈنمەك

تەلپۈنۈشچان

تەلپۈنۈشچانلىق

تەلپۈنۈشمەك

تەلتۆكۈس

تەلقىن

تەلمۇتەل

تەلمۈرتمەك

تەلمۈرمەك

تەلمۈرۈشمەك

تەلۋە

تەلۋىتال

تەلۋىلەرچە

تەلۋىلەشتۈرمەك

تەلۋىلەشمەك

تەلۋىلىك

تەلىق

تەلىم

تەلىم ئالماق

تەلىم بەرمەك

تەلىمات

تەلىم-تەربىيە

تەم

تەمى تىلدا قالغۇدەك

تەمى ئېغىزدا قالغۇدەك

تەمە

تەمەچى

تەمەخور

تەمەخورلۇق

تەمەسىز

تەمەگەر

تەمەگەرلىك

تەمەننا

تەمەنناچى

تەمەننالىق

تەمبەل

تەمبەللىك

تەمبۇر

تەمبۇرچى

تەمتەك

تەمتىرەتمەك

تەمتىرەشمەك

تەمتىرىمەك

تەمتىلەتمەك

تەمتىلەشمەك

تەمتىلىمەك

تەمتىم

تەمرەتكە

تەمسىز

تەمسىزلىك

تەمسىل

تەمسىلچى

تەمشەلدۈرمەك

تەمشەلمە

تەمشەلمەك

تەمشىلىشمەك

تەمشىمەك

تەمكىن

تەمكىنلەشتۈرمەك

تەمكىنلەشمەك

تەمكىنلىك

تەملىك

تەمىر

تەمىن

تەمىنات

تەمىناتچى

تەمىناتچىلىق

تەمىنات-سودا

تەمىناتسىز

تەمىناتلىق

تەمىنلەشمەك

تەمىنلەنمەك

تەمىنلىمەك

تەنⅠ

تېنى جۇغۇلدىماق

تېنى يايرىماق

تەنⅡ

تەنەⅠ

تەنەⅡ

تەنەپپۇس

تەنبىھ

تەنتەربىيە

تەنتەربىيىچى

تەنتەك

تەنتەكلەشتۈرمەك

تەنتەكلەشمەك

تەنتەكلىك

تەنتەنە

تەنتەنىلىك

تەنتىمەك

تەنچە

تەندۇرۇس

تەندۇرۇسلۇق

تەنزە

تەنزىچى

تەنزىچىلىك

تەنزىكەش

تەنزىكەشلىك

تەنقىد

تەنقىد-تەربىيە

تەنقىدچى

تەنقىدچىلىك

تەنقىدلەتمەك

تەنقىدلەشمەك

تەنقىدلەنمەك

تەنقىدلىمەك

تەنقىدىي

تەنلىك

تەنناز

تەننازلىق

تەننەرخ

تەنھا

تەنھالىق

تەنھەرىكەت

تەنھەرىكەتچى

تەنھەرىكەتچىلىك

تەنىلىك

تەھتىسارا

تەھدىت

تەھرىر

تەھرىر-تەرجىمە

تەھرىرلەتمەك

تەھرىرلەشمەك

تەھرىرلەنمەك

تەھرىرلىك

تەھرىرلىمەك

تەھسىل

تەھسىن

تەھقىر

تەھقىرلەشمەك

تەھقىرلەنمەك

تەھقىرلىمەك

تەھقىق

تەھقىقلەتمەك

تەھقىقلەشمەك

تەھقىقلەنمەك

تەھقىقلىمەك

تەھلىكە

تەھلىكىلىك

تەھلىل

تەھلىلچى

تەھلىلگرامما

تەھلىلىي

تەۋازۇ

تەۋازۇلانماق

تەۋازۇلۇق

تەۋەⅠ

تەۋەⅡ

تەۋەر

تەۋەررۈك

تەۋەككۈل

تەۋەككۈلچى

تەۋەككۈلچىلىك

تەۋەككۈلىگە

تەۋەڭ

تەۋەڭ-تەۋەڭ

تەۋەڭلىمەك

تەۋەللۇت

تەۋەلىك

تەۋپىق

تەۋرات

تەۋرەتكۈچ

تەۋرەتمەك

تەۋرەشمەك

تەۋرەنمە

تەۋرەنمەك

تەۋرىمەس

تەۋرىمەك

تەۋسىپ

تەۋسىيە

تەيەممۇم

تەيپۈن

تەيپۈنەم

تەيپۈنەم زامانىدا

تەيجى

تەيجىچۈەن

تەيجىلىك

تەيلەتمەك

تەيلەشمەك

تەيلەنمەك

تەيلىك

تەيلىمەك

تەيفېڭ

تەيىن

تەيىنلەتمەك

تەيىنلەشمەك

تەيىنلەنمەك

تەيىنلىمەك

تەييار

تەييارتاپ

تەييارتاپلىق

تەييارگەرلىك

تەييارلاتماق

تەييارلاشماق

تەييارلانماق

تەييارلىق

تەييارلىقسىز

تەييارلىماق

تراپېتسىيە

تراخوما

تراخىت

تراخىتلىق

تراكتور

تراكتورچى

تراكتورچىلىق

تراكتورسازلىق

تراكتورلاشتۇرماق

تراكتورلاشتۇرۇلماق

تراكتورلاشماق

تراگېدىيە

تراگېدىيىلىك

تراگېكومېدىيە

تراللىبۇس

ترامۋاي

ترانسپورت

ترانسفورماتور

ترانسكرىپسىيە

ترانسكرىپسىيىلەشتۈرمەك

ترانسكرىپسىيىلەشتۈرۈلمەك

ترانسكرىپسىيىلىك

ترايېكتورىيە

تروپىك

تروتىل

ترومبون

ترېنېر

ترىپسىن

ترىتىي

ترىگلا

ترىگونومېتىرىيە

ترىگونومېتىرىيىلىك

ترىلوگىيە

توپⅠ

توپⅡ

توپⅢ

توپا

توپا تەرەت

توپا تۇتماق

توپىسىنى كۆزگە سۈرتكۈدەك بولماق

توپىسى ئېغىر

توپا-توزان

توپا-تۇمان

توپا-چاڭ

توپاز

توپانⅠ

توپانⅡ

توپبېشى

توپ-توپ

توپچە

توپچىⅠ

توپچىⅡ

توپ-زەمبىرەك

توپقا

توپلاتماق

توپلاشماق

توپلاقلىق

توپلام

توپلاملىق

توپلانماق

توپلەي

توپلەيلىك

توپلۇق

توپلىماق

توپوگراف

توپوگرافىيە

توپوگېئولوگىيە

توپولوگىيە

توپۇرⅠ

توپۇرⅡ

توپۇر-توپۇر

توپۇرلاتماق

توپۇرلاشماق

توپۇرلىماق

توپۇق

توپىلاتماق

توپىلاشماق

توپىلاڭⅠ

توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلىماق

توپىلاڭⅡ

توپىلاڭچى

توپىلانماق

توپىلىق

توپىلىماق

توتۇرماق

توتېم

توتېمىزم

توچكا

توختاتماق

توختاشماق

توختالغۇ

توختالغۇسىز

توختالماق

توختام

توختاملاشماق

توختاملىق

توختامنامە

توختاۋسىز

توختۇن

توختىماق

توختىماي

توخۇ

توخۇ پوقى

توخۇچى

توخۇچىلىق

تورⅠ

تورغا چۈشمەك

تورⅡ

تور كەتمەك

تورپاق

تورپاقلىق

تورتⅠ

تورتⅡ

تورت-تورت

تورتتىدە

تورچى

تورسۇق

تورسىمان

تورغا

تورغاي

تورغۇتⅠ

تورغۇتⅡ

تورف

تورقا

تورقاق

تورلاتماق

تورلاشتۇرماق

تورلاشتۇرۇلماق

تورلاشماق

تورلانماق

تورلۇقⅠ

تورلۇقⅡ

تورلىما

تورلىماق

تورمۇز

تورمۇزسىز

تورمۇزلاتماق

تورمۇزلاشماق

تورمۇزلانماق

تورمۇزلۇق

تورمۇزلىماق

تورنىك

تورۇس

تورۇشەن

تورۇق

تورۇك

تورۇك-تورۇك

تورۇككىدە

تورۇكلاتماق

تورۇكلاشماق

تورۇكلىماق

تورۇڭ

تورۇڭ-تورۇڭ

تۇرۇڭڭىدە

تورۇڭلاتماق

تورۇڭلىماق

تورۇنقاي

تورىت

تورىي

توزⅠ

توزⅡ

توزان

توزغاق

توزغاقلىق

توزۇتماق

توزۇشماق

توزۇماق

توزۇندى

توس

توساتتىن

توسالغۇ

توسالغۇسىز

توسالغۇلۇق

توس-توس

توستۇرماقⅠ

توستۇرماقⅡ

توسقۇن

توسقۇنسىز

توسقۇنلۇق

توسقۇنلۇقسىز

توسما

توسماقⅠ

توسماقⅡ

توسمىلىق

توسۇشماق

توسۇق

توسۇقلۇق

توسۇلماقⅠ

توسۇلماقⅡ

توسۇن

توشتۇرماق

توشتۇرۇشماق

توشتۇرۇلماق

توشقان

توشقانزەدىكى

توشقانقومۇشى

توشقانقۇلاق

توشقانقۇيرۇق

توشقانكالپۇك

توشقانئوت

توشماق

توشۇتماق

توشۇشماق

توشۇق

توشۇڭⅠ

توشۇڭⅡ

توشۇڭلۇق

توشۇلماق

توشۇماق

توشىماق

توغ

توغاچ

توغرا

توغرا كېسەر

توغراتماق

توغرا-خاتا

توغراشماق

توغراق

توغراقلىقⅠ

توغراقلىقⅡ

توغرالماق

توغرام

توغرۇلۇق

توغرىدا

توغرىدىن-توغرا

توغرىسى

توغرىسىدا

توغرىسىدىن

توغرىسىغا

توغرىغا

توغرىلاتماق

توغرىلاشماق

توغرىلانماق

توغرىلىق

توغرىلىماق

توغرىماق

توغلىماق

توغۇنا

توق

توقاⅠ

توقاⅡ

توقاچ

توقالⅠ

توقالⅡ

توقاللىق

توقايⅠ

توقايⅡ

توقايلىق

توقچىلىق

توقسان

توقسىنىنچى

توققۇز

توققۇز ئوغۇزلار

توققۇز ئۇيغۇرلار

توققۇزى تەل

توققۇزئاتار

توققۇزەيلەن

توققۇزتونلۇق

توققۇزكۆز

توققۇزلۇق

توققۇزىنچى

توقلا

توقلاتماق

توقلاشماق

توقلانماق

توقلۇق

توقلىماق

توقماق

توقماقبېلىق

توقماقچى

توقماقلاتماق

توقماقلاشماق

توقماقلانماق

توقماقلىماق

توقۇتماقⅠ

توقۇتماقⅡ

توقۇچ

توقۇر

توقۇشماقⅡ

توقۇقسىزⅠ

توقۇقسىزⅡ

توقۇقلۇقⅠ

توقۇقلۇقⅡ

توقۇلما

توقۇلماقⅠ

توقۇلماقⅡ

توقۇلمىشۇناس

توقۇلمىشۇناسلىق

توقۇلمىلىق

توقۇم

توقۇمنى قارنىغا ئالماق

توقۇما

توقۇماقⅠ

توقۇماقⅡ

توقۇملۇق

توقۇمىچى

توقۇمىچىلىق

توقۇناق

توقۇناقلىق

توقۇنۇش

توقۇنۇشتۇرماق

توقۇنۇشتۇرۇلماق

توقۇنۇشسىز

توقۇنۇشلۇق

توقۇنۇشماق

توقىچاقⅠ

توقىچاقⅡ

توقىلەنەت

توقىلىق

توكⅠ

توك سىمى

توك ئېقىمى

توكⅡ

توكاڭ

توك-توك

توكچاتقۇچ

توكچى

توكچىلىق

توكسىكولوگىيە

توكسىن

توككىدە

توكلۇق

توكۇرⅠ

توكۇرⅡ

توكۇراڭ

توكۇراڭچى

توكۇر-توكۇر

توكۇرلاتماق

توكۇرلاشماق

توكۇرلىماق

توكۇس

توكۇس-توكۇس

توكۇسسىدە

توكۇسلاتماق

توكۇسلاشماق

توكۇسلىماق

توكۇلداتماق

توكۇلداشماق

توكۇلداق

توكۇلدىماق

توڭⅠ

توڭⅡ

توڭ-توڭ

توڭدۇرماق

توڭراⅠ

توڭراⅡ

توڭرىلىق

توڭغاق

توڭغاقلىق

توڭكاي

توڭگۇز

توڭگۇزتاراق

توڭگۇزتېرىقى

توڭگۇزلۇق

توڭگۇزياڭىقى

توڭڭىدە

توڭلاتقۇ

توڭلاتماق

توڭلاشماق

توڭلۇق

توڭلىتىلماق

توڭلىماق

توڭماق

توڭۇشماق

تولا

تولاتماق

تولاشماق

تولام

تولامچاق

تولانماق

تولتا

تولتىلىق

تولدۇرغۇچى

تولدۇرما

تولدۇرماق

تولدۇرۇشماق

تولدۇرۇلماق

تولغاتماق

تولغاش

تولغاشماق

تولغاق

تولغام

تولغانماق

تولغىما

تولغىماچ

تولغىماق

تولماق

تولۇق

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ

تولۇقسىز

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ

تولۇقلاتماق

تولۇقلاشماق

تولۇقلانما

تولۇقلانماق

تولۇقلىغۇچى

تولۇقلىما

تولۇقلىماق

تولۇن

تولۇئول

تولۋۇر

تولىلىق

تولىلىماق

تولىما

تولىماق

تومⅠ

تومⅡ

توما

توماتقۇ

تومبالقا

تومبالقىلىق

تومبۇك

تومبۇلاق

تومپاي

تومپايتماق

تومپايلىق

تومپايماق

تومپۇچكا

تومپۇر

تومپىيىشماق

تومتاق

تومتاقلىق

تومتاياق

توملاشماق

توملۇقⅠ

توملۇقⅡ

توملىماق

تومنان

تومۇر

تومۇرچى

تومۇرچىلىق

تومۇرداش

تومۇرداشلىق

تومۇردان

تومۇرلۇق

تومۇز

تومۇزغا

تومىلىماق

تونⅠ

تون بەلگىسى

تونⅡ

تونا

تونچە

تونسىزⅠ

تونسىزⅡ

تونلۇق

توننا

تونناژ

تونناژلىق

توننىلىق

توننىلىماق

تونۇتماق

تونۇر

تونۇش

تونۇش-بىلىش

تونۇشتۇرغۇچى

تونۇشتۇرماق

تونۇشتۇرۇش

تونۇشتۇرۇلما

تونۇشتۇرۇلماق

تونۇشسىز

تونۇشلۇق

تونۇشماق

تونۇغۇسىز

تونۇلماق

تونۇماق

تونىل

توۋا

توۋا-ئىستىغپار

توۋرا

توۋلاتماق

توۋلاشماق

توۋلانماق

توۋلىماق

توۋىنامە

توي

توي-تاماشا

توي-تۆكۈن

تويچى

تويدۇرماق

تويدۇرۇلماق

تويغۇلۇق

تويغۇچە

تويلاتماق

تويلاشماق

تويلۇق

تويلىماق

تويماس

تويماسلىق

تويماق

توي-مەرىكە

تويمىغۇر

تويمىغۇرلۇق

تويۇشماق

تويۇندۇرماق

تويۇنماق

تويۇنئۆرۈك

تۇەن

تۇەنجاڭ

تۇەنجاڭلىق

تۇبا

تۇبېركۇليوز

تۇپراق

تۇپراقچىلىق

تۇپراقشۇناس

تۇپراقشۇناسلىق

تۇپراقلىق

تۇت

تۇتاتقۇ

تۇتاش

تۇتاشتۇرما

تۇتاشتۇرماقⅠ

تۇتاشتۇرماقⅡ

تۇتاشتۇرۇلماقⅠ

تۇتاشتۇرۇلماقⅡ

تۇتاشماقⅠ

تۇتاشماقⅡ

تۇتاق

تۇتالⅠ

تۇتالⅡ

تۇتام

تۇتامغا چىققۇدەك

تۇتامى بار

تۇتامى يوق

تۇتامسىز

تۇتامسىزلىق

تۇتاملاتماق

تۇتاملاشماق

تۇتاملىق

تۇتاملىماق

تۇت-تۇت قىلماق

تۇتقا

تۇتقاق

تۇتقاقلىق

تۇتقامىش

تۇتقان-پۈتكىنى

تۇتقاۋۇل

تۇتقاۋۇللۇق

تۇتقۇچ

تۇتقۇچلۇق

تۇتقۇزماق

تۇتقۇن

تۇتقۇنلۇق

تۇتقىسىز

تۇتقىلىق

تۇتماق

تۇتۇرۇقⅠ

تۇتۇرۇقⅡ

تۇتۇرۇقسىز

تۇتۇرۇقسىزلىق

تۇتۇرۇقلۇق

تۇتۇشتۇرماق

تۇتۇشماق

تۇتۇقⅠ

تۇتۇق بەرمەسلىك

تۇتۇقⅡ

تۇتۇقبەگ

تۇتۇقسىز

تۇتۇقھىراۋۇل

تۇتۇقلاشتۇرماق

تۇتۇقلاشتۇرۇشماق

تۇتۇقلاشتۇرۇلماق

تۇتۇقلاشماق

تۇتۇقلۇقⅠ

تۇتۇقلۇقⅡ

تۇتۇلماق

تۇتۇنماق

تۇتى

تۇتىقماق

تۇتىيا

تۇجا

تۇجاچە

تۇجۇركا

تۇجۇركىلىق

تۇچ

تۇخاۋ

تۇخاۋ-لېيشېن

تۇخۇم

تۇخۇمەك

تۇخۇمەكلىك

تۇخۇمچى

تۇخۇمچىلىق

تۇخۇمچىلىك

تۇخۇمدان

تۇخۇمسىمان

تۇخۇملاتماق

تۇخۇملۇق

تۇخۇملىماق

تۇرⅠ

تۇرⅡ

تۇراⅠ

تۇراⅡ

تۇرابېگى

تۇرار

تۇرارلىق

تۇراق

تۇراقسىز

تۇراقسىزلاندۇرماق

تۇراقسىزلاندۇرۇشماق

تۇراقسىزلاندۇرۇلماق

تۇراقسىزلانماق

تۇراقسىزلىق

تۇراقلاشتۇرماق

تۇراقلاشتۇرۇلماق

تۇراقلاشماق

تۇراقلانماق

تۇراقلىق

تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى

تۇراقلىق ئىبارە

تۇرالغۇ

تۇرالغۇسىز

تۇربىنا

تۇربىنىلىق

تۇرپى

تۇر-تۇر

تۇرخۇن

تۇرخۇنلۇق

تۇرسا-قوپسا

تۇرشاۋۇل

تۇرشاۋۇللۇق

تۇرغاق

تۇرغان-پۈتكىنى

تۇرغۇچ

تۇرغۇچلۇق

تۇرغۇزماق

تۇرغۇزۇلماق

تۇرغۇسىز

تۇرغۇن

تۇرغۇن سۆز

تۇرغۇنلۇق

تۇرق

تۇرماق

تۇرمالىن

تۇرمۇش

تۇرمۇشلۇق

تۇرنا

تۇرۇبا

تۇرۇبىلىق

تۇرۇپⅠ

تۇرۇپⅡ

تۇرۇپ-تۇرۇپ

تۇرۇپكا

تۇرۇپكىلىق

تۇرۇپلۇق

تۇرۇشلۇق

تۇرۇشماق

تۇرۇقلۇق

تۇرۇلغا

تۇرۇلماق

تۇرۇم

تۇرۇمتاي

تۇرۇنج

تۇزⅠ

تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاقماق

تۇزⅡ

تۇزاق

تۇزاقچى

تۇزاقچىلىق

تۇز-تائام

تۇز-تاماق

تۇز-تەم

تۇزچى

تۇزچىلىق

تۇزدان

تۇزسىراتماق

تۇزسىراشماق

تۇزسىرىماق

تۇزسىز

تۇزسىزلىق

تۇزكور

تۇزكورلۇق

تۇزلاتماق

تۇزلاشماق

تۇزلانماق

تۇزلۇقⅠ

تۇزلۇقⅡ

تۇزلىماق

تۇزۇ

تۇزۇچە

تۇشⅠ

تۇشⅡ

تۇشلۇق

تۇشمۇتۇشتىن

تۇغⅠ

تۇغⅡ

تۇغان

تۇغ-ئەلەم

تۇغچى

تۇغدۇرماق

تۇغ-شەددە

تۇغقان

تۇغقانچىلىق

تۇغقاندارچىلىق

تۇغقانلاشماق

تۇغقانلىق

تۇغلۇق

تۇغما

تۇغماس

تۇغماق

تۇغۇت

تۇغۇتخانا

تۇغۇتلىق

تۇغۇچەك

تۇغۇر

تۇغۇش

تۇغۇشلۇقⅠ

تۇغۇشلۇقⅡ

تۇغۇشماقⅠ

تۇغۇشماقⅡ

تۇغۇلماق

تۇغۇمچان

تۇغۇمچانلىق

تۇغۇندى

تۇغۋېگى

تۇغيان

تۇف

تۇفېلكا

تۇڭ

تۇڭچى

تۇڭچىلىق

تۇڭخاۋ

تۇڭگو

تۇڭگۇس

تۇل

تۇلپار

تۇلغا

تۇللۇق

تۇلۇق

تۇلۇقچى

تولۇقچىقوڭغۇز

تۇلۇقلۇق

تۇلۇم

تۇلۇمچاشقان

تۇلۇمچە

تۇلۇمچىلاتماق

تۇلۇمچىلاشماق

تۇلۇمچىلىماق

تۇلۇمسىمان

تۇلىي

تۇم

تۇمار

تۇمارچە

تۇمارچىلىماق

تۇمارلىق

تۇماغا

تۇماق

تۇماقچى

تۇماقچىلىق

تۇماقلىق

تۇمان

تۇمانسىز

تۇمانلاشتۇرماق

تۇمانلاشتۇرۇلماق

تۇمانلاشماق

تۇمانلىق

تۇمشۇق

تۇمشۇق بۇرىماق

تۇمشۇق تېرەپ

تۇمشۇقىنى تۈرمەك

تۇمشۇقىنى سوزماق

تۇمشۇقىنى ئۇچلىماق

تۇمشۇقى ئۇزۇن

تۇمشۇق يالاشماق

تۇمشۇقدىماق

تۇمشۇقلۇق

تۇمۇ

تۇمۇقىماق

تۇمۇچۇق

تۇنجا

تۇنجۇقتۇرماق

تۇنجۇقتۇرۇلماق

تۇنجۇقماق

تۇنجۇقۇشماق

تۇنجى

تۇندرا

تۇنس

تۇننۇس

تۇۋاق

تۇۋاقلاتماق

تۇۋاقلاشماق

تۇۋاقلانماق

تۇۋاقلىق

تۇۋاقلىماق

تۇياق

تۇيىقى سېلىكمەك

تۇيىقى سىرقىرىماق

تۇياقلىق

تۇياقلىقلار

تۇيدۇرماق

تۇيغاق

تۇيغۇ

تۇيغۇداش

تۇيغۇلۇق

تۇيغۇنⅠ

تۇيغۇنⅡ

تۇيغۇنلۇق

تۇيماق

تۇيۇشماق

تۇيۇقⅠ

تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماق

تۇيۇقⅡ

تۇيۇقⅢ

تۇيۇقسىز

تۇيۇقسىزلىق

تۇيۇلماق

تۆپەⅠ

تۆپەⅡ

تۆپە-تۆپىسىگە

تۆپە-تۆپىلەپ

تۆپىلەپ

تۆپىلىك

تۆت

تۆت ئەمەل

تۆت پۇتى ئۆرە قالماق

تۆت كۆز بىلەن كۈتمەك

تۆتنىڭ بىرى

تۆتەيلەن

تۆتلەشتۈرمەك

تۆتلەشمەك

تۆتلىك

تۆتۆت

تۆتۆتلەشمەك

تۆتۆتلىمەك

تۆتىنچى

تۆتىنچىلىك

تۆر

تۆرە

تۆرەل

تۆرەلدۈرمەك

تۆرەلدۈرۈلمەك

تۆرەلمە

تۆرەلمەك

تۆرەلمىشۇناس

تۆرەلمىشۇناسلىق

تۆرپە

تۆرچى

تۆرۈكⅠ

تۆرۈكⅡ

تۆرىچىلىك

تۆرىلەرچە

تۆرىلىك

تۆرىمەك

تۆزدۈرمەك

تۆزمەكⅠ

تۆزمەكⅡ

تۆش

تۆشەك

تۆشەكلىك

تۆشتارتقۇ

تۆشلەڭ

تۆشلۈك

تۆشلىمەك

تۆشۈكⅠ

تۆشۈكⅡ

تۆشۈكچە

تۆشۈكلۈك

تۆشۋاغ

تۆشۋاغلىق

تۆكتۈرمەك

تۆكمە

تۆكمەك

تۆكۈشمەك

تۆكۈلمەك

تۆگە

تۆگۈرتمەك

تۆگۈرمەك

تۆگۈرۈشمەك

تۆگۈرۈلمەك

تۆگىتاپانⅠ

تۆگىتاپانⅡ

تۆگىتاز

تۆگىتىكەن

تۆگىچى

تۆگىچىلەپ

تۆگىچىلىك

تۆگىسىڭىر

تۆگىقۇش

تۆگىقۇلاق

تۆگىلىك

تۆڭگە

تۆڭگىلەك

تۆڭگىلەكلىمەك

تۆل

تۆلەتمەك

تۆلەشمەك

تۆلەڭ

تۆلەم

تۆلەنمەك

تۆللەتمەك

تۆللەشمەك

تۆللىمەك

تۆلىمەك

تۆمۈر

تۆمۈر تاۋاق

تۆمۈر خوراز

تۆمۈر-تەرسەك

تۆمۈرتۇمشۇق

تۆمۈرتىرناق

تۆمۈرتىكەن

تۆمۈرچى

تۆمۈرچىلىك

تۆمۈردەرەخ

تۆمۈرقالپاق

تۆمۈرلۈك

تۆمۈريول

تۆمۈريولچى

تۆمۈنە

تۆمۈنىسىمان

تۆمۈنىلىك

تۆنەتمەك

تۆنەشمەك

تۆنەلمەك

تۆنىمەك

تۆھپە

تۆھپىسىز

تۆھپىكار

تۆھپىكارلىق

تۆھمەت

تۆھمەت يېشى

تۆھمەتچى

تۆھمەتخور

تۆھمەتخورلۇق

تۆھمەتنامە

تۆۋەن

تۆۋەنگە چۆكمەك

تۆۋەنچىلىك

تۆۋەندە

تۆۋەندىكىچە

تۆۋەندىكىدەك

تۆۋەنكى

تۆۋەنلەتمەك

تۆۋەنلەشتۈرمەك

تۆۋەنلەشتۈرۈشمەك

تۆۋەنلەشتۈرۈلمەك

تۆۋەنلەشمەك

تۆۋەنلىتىلمەك

تۆۋەنلىك

تۆۋەنلىمەك

تۆۋەينى

تۈبۈت

تۈپⅠ

تۈپ سان

تۈپ سۆز

تۈپ

تۈپەيلى

تۈپەيلىدىن

تۈپتالاس

تۈپتىن

تۈپچەك

تۈپكى

تۈپلەتمەك

تۈپلەشمەك

تۈپلەنمە

تۈپلەنمەك

تۈپلۈك

تۈپلىمەك

تۈپۈك

تۈپ-يىلتىز

تۈتەتمەك

تۈتەشمەك

تۈتەك

تۈتەكلەشمەك

تۈتەكلىك

تۈتۈ

تۈتۈك

تۈتۈمەددە

تۈتۈن

تۈتۈنسىز

تۈتۈنلۈك

تۈتىمەك

تۈجۈپىلەتمەك

تۈجۈپىلەشمەك

تۈجۈپىلەنمەك

تۈجۈپىلىمەك

تۈر

تۈرتەك

تۈرتەكلەتمەك

تۈرتەكلەشمەك

تۈرتەكلەنمەك

تۈرتەكلىمەك

تۈرتكە

تۈرتكۈزمەك

تۈرتكىلىك

تۈرتمەك

تۈرتۈشمەك

تۈرتۈلمەك

تۈرتۈم

تۈرتۈمچى

تۈرداش

تۈرداشلىق

تۈرك

تۈركچە

تۈركشۇناس

تۈركشۇناسلىق

تۈركمەن

تۈركمەنچە

تۈركولوگ

تۈركولوگىيە

تۈركۈم

تۈركۈم-تۈركۈم

تۈركۈم-تۈركۈملەپ

تۈركۈملەپ

تۈركۈملەپ-تۈركۈملەپ

تۈركۈملەشمەك

تۈركۈملەنمەك

تۈركۈملىمەك

تۈركىي

تۈركىي تىللار

تۈركىي تىللار تۈركۈمى

تۈرگە

تۈرگۈچⅠ

تۈرگۈچⅡ

تۈرگۈن

تۈرگۈنلۈك

تۈرگىلىمەك

تۈرلەتمەك

تۈرلەشمەك

تۈرلەنمە

تۈرلەنمەك

تۈرلۈك

تۈرلۈك-تۈرلۈك

تۈرلۈك-تۈمەن

تۈرلۈكچە

تۈرلىمەك

تۈرمە

تۈرمەكⅠ

تۈرمەكⅡ

تۈرمەكلەنمەك

تۈرمەكلىمەك

تۈرمەل

تۈرمەللىك

تۈرمەللىمەك

تۈرمۈزە

تۈرمىداش

تۈرمىداشلىق

تۈرۈشتۈرمەك

تۈرۈشمەك

تۈرۈكⅠ

تۈرۈكⅡ

تۈرۈكلۈكⅠ

تۈرۈكلۈكⅡ

تۈرۈلمەك

تۈرۈم

تۈرۈم-تۈرۈم

تۈز

تۈزەتمەك

تۈزەشتۈرمەك

تۈزەشتۈرۈشمەك

تۈزەشتۈرۈلمەك

تۈزەشمەك

تۈزەلمەك

تۈزدۈرمەك

تۈزگۈچى

تۈزلەتمەك

تۈزلەشمەك

تۈزلەڭ

تۈزلەڭلىك

تۈزلەنمەك

تۈزلۈك

تۈزلىمەك

تۈزمە

تۈزمەك

تۈزۈت

تۈزۈتلۈك

تۈزۈك

تۈزۈلمە

تۈزۈلمەك

تۈزۈلمىلىك

تۈزۈم

تۈزۈمسىز

تۈزۈمسىزلىك

تۈزۈملەشتۈرمەك

تۈزۈملەشتۈرۈشمەك

تۈزۈملەشتۈرۈلمەك

تۈزۈملەشمەك

تۈزۈملۈك

تۈزىمەك

تۈس

تۈسلەندۈرمەك

تۈسلەنمەك

تۈسلۈك

تۈف

تۈفى

تۈك

تۈكچە

تۈكسىز

تۈكلۈك

تۈكۈچ

تۈكۈرتمەك

تۈكۈرمەك

تۈكۈرۈشمەك

تۈكۈرۈك

تۈكۈرۈكدان

تۈكۈرۈلمەك

تۈكۋاش

تۈگە

تۈگەتكۈسىز

تۈگەتمەك

تۈگەشتۈرمەك

تۈگەشتۈرۈشمەك

تۈگەشتۈرۈلمەك

تۈگەشمەك

تۈگەل

تۈگەللەتمەك

تۈگەللەشمەك

تۈگەللەنمەك

تۈگەللىمەك

تۈگەنچە

تۈگدۈرمەك

تۈگدۈرۈشمەك

تۈگدۈرۈلمەك

تۈگرىك

تۈگكەن-پۈككەن

تۈگمە

تۈگمەك

تۈگمەن

تۈگمەننىڭ كويلىسىدىن تىرىك چىقىدىغان

تۈگمىنىگە سۇ قۇيماق

تۈگمەن-تېسەك

تۈگمەنچى

تۈگمەنچىلىك

تۈگمىگۈل

تۈگمىلەتمەك

تۈگمىلەشمەك

تۈگمىلەنمەك

تۈگمىلىك

تۈگمىلىمەك

تۈگۈچ

تۈگۈرⅠ

تۈگۈرⅡ

تۈگۈرەك

تۈگۈر-تۈگۈر

تۈگۈرچەك

تۈگۈرلەشتۈرمەك

تۈگۈرلەشمەك

تۈگۈك

تۈگۈكلۈك

تۈگۈل

تۈگۈلمەك

تۈگۈلۈشمەك

تۈگۈم

تۈگۈن

تۈگۈنەك

تۈگۈنچە

تۈگۈنچەك

تۈگۈنچەكلەشمەك

تۈگۈنچەكلەنمەك

تۈگۈنچەكلىمەك

تۈگۈنلۈك

تۈگۈنمەك

تۈگۈنۈشمەك

تۈگىتىلمەك

تۈگىمەس

تۈگىمەس-پۈتمەس

تۈگىمەك

تۈڭكەلمەك

تۈڭلۈك

تۈڭلۈكئاچقۇچ

تۈڭلۈكياپقۇچ

تۈڭلۈكلۈك

تۈڭۈلمەك

تۈلەتمەك

تۈلەشمەك

تۈلەك

تۈلكە

تۈلكىلىك

تۈلكىمايىقى

تۈلىمەك

تۈمەن

تۈمەنبېشى

تۈمەنلەپ

تۈمەنمىڭ

تۈمبۈلۈك

تۈن

تۈنەتمەك

تۈنەشمەك

تۈنەك

تۈنەكخانا

تۈنپۇراق

تۈنلەپ

تۈنۈگۈن

تۈنۈگۈنكى

تۈنىكە

تۈنىكىچى

تۈنىكىچىلىك

تۈنىمەك

تۈۋ

تۈۋرۈك

تۈۋرۈكسىمان

تۈۋرۈكلۈك

تۈۋلەتمەك

تۈۋلەنمەك

تۈۋلۈك

تۈۋلىمەك

تې

تېبابەت

تېبابەتچىلىك

تېبابەتخانا

تېببىي

تېپىچەك

تىپىچەكلەتمەك

تېپىچەكلەشمەك

تېپىچەكلىمەك

تېپىر

تېپىر-تېپىر

تېپىرلاتماق

تېپىرلاشماق

تېپىرلىماق

تېپىشتۇرماق

تېپىشتۇرۇلماق

تېپىشتۈرمەك

تېپىشماقⅠ

تېپىشماقⅡ

تېپىشمەك

تېپىك

تېپىكلىمەك

تېپىلغۇسىز

تېپىلما

تېپىلماس

تېپىلماق

تېپىلمەك

تېپىن

تېپىنماق

تېترىل

تېتىتقۇ

تېتىتماق

تېتىر

تېتىرلىق

تېتىشلىق

تېتىشماق

تېتىق

تېتىقسىز

تېتىقسىزلىق

تېتىكلەشتۈرمەك

تېتىكلەشتۈرۈشمەك

تېتىكلەشتۈرۈلمەك

تېتىكلەشمەك

تېتىكلەنمەك

تېتىكلىك

تېتىكلىمەك

تېتىم

تېتىماق

تېتىمسىز

تېتىملىق

تېجەپ-تۆشەپ

تېجەتمەك

تېجەشلىك

تېجەشمەك

تېجەلمەك

تېجىمەك

تېجىمەل

تېجىمەللىك

تېخنولوگ

تېخنولوگىيە

تېخنېتسىي

تېخنىك

تېخنىكا

تېخنىكوم

تېخنىكىلىق

تېخنىكىۋى

تېخى

تېخىچە

تېخىمۇ

تېرە

تېرە-تەرسەك

تېرەك

تېرەكلىك

تېرەن

تېرەنلىك

تېربىي

تېرراسا

تېررامىتسىن

تېررور

تېررورچى

تېررورلۇق

تېررىتورىيە

تېررىتورىيىلىك

تېرمو

تېرمودىنامىكا

تېرموستات

تېرمومېتامورفىزم

تېرمومېتىر

تېرموئېلېمېنت

تېرمىن

تېرمىنشۇناس

تېرمىنشۇناسلىق

تېرمىنولوگىيە

تېرىپ-تەرمەپ

تېرىپ-تۆشەپ

تېرىپۇرۇش

تېرىتماق

تېرىچى

تېرىچىلىك

تېرىشتۈرمەك

تېرىشماق

تېرىشمەك

تېرىغان-تىككەن

تېرىق

تېرىقتەك

تېرىقچى

تېرىقچىلىق

تېرىقسىز

تېرىقلىقⅠ

تېرىقلىقⅡ

تېرىكتۈرمەك

تېرىكتۈرۈلمەك

تېرىككەك

تېرىككەكلىك

تېرىكمەك

تېرىكىشمەك

تېرىلغۇ

تېرىلغۇلۇق

تېرىلماق

تېرىلمە

تېرىلمەك

تېرىم

تېرىماق

تېرىمچى

تېرىندى

تېز

تېزەك

تېزەكچى

تېزەكلەتمەك

تېزەكلىك

تېزەكلىمەك

تېز-تېز

تېزدىن

تېزلەتكۈچى

تېزلەتمەك

تېزلەشتۈرمەك

تېزلەشتۈرۈشمەك

تېزلەشتۈرۈلمەك

تېزلەشمەك

تېزلىتىلمەك

تېزلىك

تېزلىكتە

تېزلىمەك

تېزلىنىشچان

تېزىس

تېشىرقاتماق

تېشىرقىماق

تېشىشمەك

تېشىلمەك

تېقىم

تېقىمداشماق

تېقىمدىماق

تېكە

تىكتونا

تېكتونىكا

تېكتونىكىلىق

تېكىچەك

تېكىچى

تېكىساقال

تېكىسالتاڭ

تېكىست

تېكىستچى

تېكىستسىز

تېكىستلەشتۈرمەك

تېكىستلەشتۈرۈلمەك

تېكىستلىك

تېكىستولوگىيە

تېكىستولوگىيىلىك

تېكىلەتمەك

تېكىنⅠ

تېكىنⅡ

تېكىنەك

تېكىنخور

تېكىنخورلۇق

تېگى-تەكتى

تېگى-تېگىدىن

تېگىرمەك

تېگىشتۈرمەك

تېگىشتۈرۈلمەك

تېگىشكۈسىز

تېگىشلىك

تېگىشمەكⅠ

تېگىشمەك

تېگىشىلمەك

تېگىل

تېگىلمەك

تېگىمەك

تېڭىرقاتماق

تېڭىرقاشماق

تېڭىرقىماق

تېڭىشماق

تېڭىق

تېڭىقچى

تېڭىقچىلىق

تېڭىقلىق

تېڭىلماق

تېڭىقئوتى

تېللور

تېلېسكوپ

تېلېفون

تېلېفونچى

تېلېفونلاشتۇرماق

تېلېفونلاشتۇرۇلماق

تېلېفونلاشماق

تېلېگراف

تېلېگرامما

تېلېمېتىر

تېلېۋىزور

تېلېۋىزىيە

تېلىقتۇرماق

تېلىققاق

تېلىققاقلىق

تېلىقماق

تېلىقىشماق

تېما

تېماتىكا

تېماتىكىلىق

تېمبىر

تېمپا

تېمپېراتۇرا

تېمپېراتسىيە

تېمپېرامېنت

تېمپىلىق

تېمېدا

تېمىتقۇچ

تېمىتماق

تېمىشماق

تېمىتىلماق

تېمىلىق

تېمىم

تېنەپ-تەمتىرەپ

تېنەتمەك

تېنەشمەك

تېنور

تېنىقماق

تېنىمەك

تېئودولىت

تېئورېما

تېئورىيە

تېئوفىللىن

تېۋەك

تېۋىپ

تېۋىپلىق

تېۋىلغا

تېۋىلغىلىق

تېۋىندۇرماق

تېۋىنىشماق

تېۋىنماق

تېيىز

تېيىزلاشتۇرماق

تېيىزلاشماق

تېيىزلىق

تېيىلدۇرماق

تېيىلغاق

تېيىلغاقلىق

تېيىلغۇچ

تېيىلماق

تېيىلىشماق

تىپ

تىپتىكى

تىپچاق

تىپلىق

تىپىك

تىپىكلەشتۈرمەك

تىپىكلەشتۈرۈش

تىپىكلەشتۈرۈلمەك

تىپىكلەشمەك

تىپىكلىك

تىت

تىتاڭ

تىتان

تىت-تىت

تىترات

تىترەتمە

تىترەتمەك

تىترەشمەك

تىترەك

تىترەڭگۈ

تىترەڭگۈلۈك

تىترىگەك

تىترىگۈچى

تىترىمەك

تىتقۇچلىماق

تىتقۇزماق

تىتىقلىماق

تىتما

تىتما-تالاڭ

تىتما-تىتما

تىتماسلىماق

تىتماق

تىتما-كاتاڭ

تىتمىلاتماق

تىتمىلاشماق

تىتمىلانماق

تىتمىلىماق

تىتول

تىتىتلىماق

تىتىشماق

تىتىلدىماق

تىتىلماق

تىتىم

تىتىملاتماق

تىتىملاشماق

تىتىملانماق

تىتىملىماق

تىتىندى

تىجارەت

تىجارەتچى

تىجارەتچىلىك

تىرⅠ

تىرⅡ

تىراژ

تىراژلىق

تىرەتمەك

تىرەجەشمەك

تىرەجىمەك

تىرەشمەك

تىرەك

تىرەكسىز

تىرەكلىك

تىرەلمەك

تىرەنمەك

تىرت

تىرتەك

تىرتەكلىك

تىر-تىرⅠ

تىر-تىرⅡ

تىرس

تىرسسىدە

تىرسىلداتماق

تىرسىلداشماق

تىرسىلدىماق

تىركەتمەك

تىركەشتۈرمەك

تىركەشمەك

تىركەلمە

تىركەلمەك

تىركىمەك

تىرگەن

تىرماشماق

تىرمىلاتماق

تىرمىلاشماق

تىرمىلانماق

تىرمىلىماق

تىرناⅠ

تىرناⅡ

تىرناتماق

تىرناشماق

تىرناق

تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدىمەك

تىرناقتا توختايدىغان

تىرناقچە

تىرناقچىلىك

تىرناقسىز

تىرناقگۈل

تىرناقلاتماق

تىرناقلاشماق

تىرناقلانماق

تىرناقلىق

تىرناقلىماق

تىرنالماق

تىرنىلاتماق

تىرنىلاشماق

تىرنىلانماق

تىرنىلىماق

تىرنىماق

تىرىباران

تىرىپ

تىرىپلىماق

تىرىجان

تىرىپىرەن

تىرىشچان

تىرىشچانلىق

تىرىشقاق

تىرىشقاقلىق

تىرىشماق

تىرىشىپ-تىرمىشىپ

تىرىق

تىرىق-تىرىق

تىرىققىدە

تىرىقلاتماق

تىرىقلاشماق

تىرىقلىماق

تىرىكⅠ

تىرىكⅡ

تىرىكە

تىرىكتاپ

تىرىكتاپلىق

تىرىك-تىرىك

تىرىكچىلىك

تىرىكلىك

تىرىڭ

تىرىڭ-تىرىڭ

تىرىڭڭىدە

تىرىڭلاتماق

تىرىڭلىماق

تىرىلداشماق

تىرىلدۈرمەك

تىرىلدۈرۈلمەك

تىرىلدىماق

تىرىلمەك

تىرىليون

تىرىمەك

تىرياق

تىز

تىز پۈكمەك

تىز چۆكمەك

تىزاپ

تىزباسقۇ

تىزتارتقۇ

تىزدۇرماق

تىزغا

تىزگاھ

تىزگىن

تىزگىننى تۇتماق

تىزگىنسىز

تىزگىنلەتمەك

تىزگىنلەشمەك

تىزگىنلەنمەك

تىزگىنلىمەك

تىزلاتماق

تىزلاشماق

تىزلاق

تىزلامچاⅠ

تىزلامچاⅡ

تىزلانماق

تىزلىق

تىزلىماق

تىزما

تىزماقⅠ

تىزماقⅡ

تىزىشتۇرماق

تىزىشماق

تىزىق

تىزىقچە

تىزىقلىق

تىزىلدۇرماق

تىزىلماق

تىزىم

تىزىملاتماق

تىزىملاشماق

تىزىملانماق

تىزىملىك

تىزىملىماق

تىشلىق

تىغ

تىغ تەگمىگەن

تىغچى

تىغچىلىق

تىغسىمان

تىغلىق

تىغمۇتىغ

تىف

تىقتۇرماق

تىقتۇرۇلماق

تىقما

تىقما-تىقما

تىقما-تىقماق

تىقما-تىقمىچىلىق

تىقماق

تىقىشتۇرماق

تىقىشتۇرۇشماق

تىقىشتۇرۇلماق

تىقىشماق

تىقىقلىق

تىقىلما

تىقىلماق

تىقىلىشماق

تىقىم-تىقىم

تىقىندۇرماق

تىقىنماق

تىكⅠ

تىكⅡ

تىكەن

تىكەنسىز

تىكەنگۈل

تىكەنلەشتۈرمەك

تىكەنلەشمەك

تىكەنلىك

تىك-تاك

تىكتاك

تىكتاك توپ

تىكتولوگىيە

تىكتۈرمەك

تىك-تىك

تىككەن-تەرگەن

تىككۈچى

تىككۈچىلىك

تىكلەتمەك

تىكلەشمەك

تىكلەكلىك

تىكلەنمەك

تىكلىك

تىكلىمە

تىكلىمەك

تىكمە

تىكمەك

تىكىپ-سۆكۈپ

تىكىچ

تىكىرⅠ

تىكىرⅡ

تىكىر-تىكىر

تىكىشمەك

تىكىلمەك

تىكىنەك

تىكىۋەتمەك

تىڭⅠ

تىڭⅡ

تىڭتىڭچى

تىڭتىڭلىماق

تىڭچى

تىڭشاتماق

تىڭشاشماق

تىڭشالماق

تىڭشىغۇچ

تىڭشىماق

تىڭگەن

تىل

تىل تەگمەك

تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق

تىل ئۇچىدا

تىلى چىقماق

تىلى كۆيمەك

تىلىڭنى تارت

تىلىڭنى يىغ

تىلىنى چاينىماق

تىلىنى چىشلەپ قالماق

تىلىنىڭ ئاستىدا تىلى بار

تىلىنىڭ تېگىدە تىلى بار

تىلىنىڭ سۆڭىكى يوق

تىلى ئۇزۇن

تىل-ئاھانەت

تىلاۋەت

تىلاۋەتخانا

تىلاۋەتكار

تىلەتمەك

تىل-ئەدەبىيات

تىلەشمەك

تىلەك

تىلەكداش

تىلەكداشلىق

تىلەم

تىلەمچى

تىلەمچىلىك

تىلتاس

تىلتاقلىماق

تىلەنمەك

تىل-تاياق

تىلتۇمار

تىلچى

تىلخەت

تىلداش

تىلدۇرماق

تىلسىز

تىلسىزلىق

تىلسىم

تىلسىمات

تىلسىمان

تىلسىملىق

تىلشۇناس

تىلشۇناسلىق

تىلغاتماق

تىلغاشماق

تىلغانماق

تىلغىماق

تىلقانات

تىللا

تىللاقوڭغۇز

تىللاتماق

تىللاشماق

تىللالىق

تىللانماق

تىللىق

تىللىماق

تىلما

تىلماچ

تىلماچلىق

تىلماق

تىلمۇق

تىل-ھاقارەت

تىلىشماق

تىلىق

تىلىم

تىلىمەك

تىلىم-تىلىم

تىلىملاتماق

تىلىملاشماق

تىلىملانماق

تىلىملىماق

تىلىنماق

تىل-يېزىق

تىمⅠ

تىمⅡ

تىمەن

تىمەنلەشتۈرمەك

تىمەنلەشمەك

تىمەنلىك

تىمتاس

تىمتاسچىلىق

تىمتاسلاشماق

تىمتاسلىق

تىم-تىم

تىمسال

تىمساھ

تىموزىن

تىمىسقىلاشماق

تىمىسقىلىماق

تىن

تىنتىشماق

تىنتىماق

تىنچ

تىنچ ئوكيان

تىنچ-ئامان

تىنچ-ئامانلىق

تىنچسىز

تىنچسىزلاندۇرماق

تىنچسىزلاندۇرۇلماق

تىنچسىزلانماق

تىنچسىزلىق

تىنچلاندۇرماق

تىنچلاندۇرۇشماق

تىنچلاندۇرۇلماق

تىنچلانماق

تىنچلىق

تىنچلىق-ئامانلىق

تىنچلىقپەرۋەر

تىنچلىقپەرۋەرلىك

تىنچىتماق

تىنچىشماق

تىنچىق

تىنچىقلىق

تىنچىقماق

تىنچىتىلماق

تىنچىماق

تىندۇرما

تىندۇرماقⅠ

تىندۇرماقⅡ

تىندۇرۇلماق

تىنما

تىنما قاتلام

تىنماقⅠ

تىنماقⅡ

تىنىش

تىنىش بەلگىلىرى

تىنىشماق

تىنىقⅠ

تىنىقى توختىماق

تىنىقⅡ

تىنىقسىز

تىنىقلىق

تىنىم

تىنىمسىز

تىنىمسىزلىق

تىۋەزۇن

تىۋىت

تىۋىتسىز

تىۋىتلىق

تىۋىتلىق پەردە

تىۋىش

تىۋىشسىز

تىياتىر

تىياتىرچىلىق

تىياتىرخانا

تىياتىرلاشتۇرماق

تىياتىرلاشتۇرۇشماق

تىياتىرلاشتۇرۇلماق

تىياتىرلاشماق

تىيدۇرماق

تىيزا

تىيلىق

تىيىشماق

تىيماق

تىيىلماق

تىيىنⅠ

تىيىنⅡ

تىيىنلىق

ئىزاھى

ت

  • ت[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ بەشىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن بەشىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما. سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياقلاشقان پېئىللارغا ياكى «ي، ر» بىلەن ئاياقلاشقان ئىككى بوغۇملۇق پېئىللارغا قوشۇلۇپ مەجبۇرىي دەرىجە ياسايدىغان قوشۇمچە، مەسىلەن:

  • ئوقۇ-ئوقۇت، ياسا-ياسات، جابدۇ-جابدۇت

  • ئازاي-ئازايت، كۆكەر-كۆكەرت، چاقىر-چاقىرت

  • «ت» نىڭ ئايرىم شەكلى «ت»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ت»، باش ۋە ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ت»، ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ت»؛ ئاتىلىشى ياكى نامى «تې»، «ت» ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن تىل ئۇچى چىش تۈرى تاۋۇشىغا، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن پارتىلىغۇچى تاۋۇشقا، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشقا تەۋە.

  • «ت» تاۋۇشىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى

  • 1. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا سۆز ئاخىرىدا «د» تاۋۇشى كەلمەيتتى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا چەت تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان بىر قىسىم سۆزلەر ئەسلىدىلا «د» بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەر بولسىمۇ، مۇنداق سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇر جانلىق تىلى ۋە يېزىق تىلىغا ئۆزلىشىشىدە ئىككى خىللىق كېلىپ چىقتى. يەنى بىر قىسمى يەككە ھالىتىدىمۇ، قوشۇمچىلار قوشۇلغاندىمۇ، ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىلى ئادىتى بويىچە «ت» بىلەن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى سۆزلەر ئىملادىمۇ «ت» يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملا تۈرلىنىشى تەلەپپۇزى

  • دوكلات دوكلاتى دوكلات، دوكلاتى

  • پەرزەنت پەرزەنتى پەرزەنت، پەرزەنتى

  • يەنە بىر قىسىملىرى يەككە ھالىتىدە ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا تەلەپپۇزدا «ت» ئېيتىلىدۇ. سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا ئەسلىگە قايتىپ «د» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مۇنداق سۆزلەر تۈرلەنمەي تۇرغان ھالەتتە بولسۇن ياكى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلغان ھالەتتە بولسىمۇ ئاخىرقى تاۋۇشى ئەسلىدىكىسى بويىچە «د» يېزىلىدۇ، لېكىن «ت» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تۈرلىنىشى تەلەپپۇزى

  • ئىقتىساد ئىقتىسادىن ئىختىسات، ئىختىساتتىن

  • ئەۋلاد ئەۋلادقا ئەۋلات، ئەۋلاتقا

  • بۇ سۆزلەرگە سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، ئاخىرقى تاۋۇشى يېزىقتىمۇ، تەلەپپۇزدىمۇ «د» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

  • تەلەپپۇزى ئىملاسى

  • ئەۋلادى، ئەۋلادىمىز ئەۋلادى، ئەۋلادىمىز

  • تەقلىدىي تەقلىدىي

  • 2. ئەرەب، پارس تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەردىكىبوغۇم ئاخىرىدا كېلىدىان قوش ئۈزۈك تاۋۇشتىن «ت» تاۋۇشى جانلىق تىلدا چۈشۈپ قالسىمۇ، تۈرلەنگەندە پەيدا بولغىنى ئۈچۈن، ئەدەبىي تىلنىڭ ئىملاسى ۋە تەلەپپۇزىدا چۈشۈرۈلمەيدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى تۈرلەنگىنى جانلىق تىلدا

  • دوست دوست دوستى دوس

  • قەنت قەنت قەنتى قەن

تا

  • تا[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئورۇن ياكى ۋاقىت چېكىنى بىلدۈرىدىغان رەۋىش ۋە رەۋىشداشلار (كۆپىنچە «چە»لىك قۇرۇلمىلار) نىڭ ئالدىدا كېلىپ، چەك ئۇقۇمىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] ئۇ ۋەزىپە تەلەپ قىلىپ، تا شەھەرلىك پارتكومغىچە باردى.[يەشمىسى:] ② باش جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئەگەشمە جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىش-ھەرىكەتتىن بۇرۇن سادىر بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] پاتەمخان ھەر كۈنى تاماقنى پىشۇرۇپ، قىزى گۈلشەن تا مەكتەپتىن كەلگىچە يېمەي ساقلاپ تۇراتتى.

تائام

  • تائام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پىشۇرۇپ تەييارلانغان ھەر خىل يېمەكلىك؛ تاماق، غىزا:[مىسال:] ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام (ماقال).Ⅸ机?تۈرى: لالانماق:[مىسال:] بىر تويدا ئۇنىڭ بىلەن بىر تاۋاقتا تائاملانغاچ تونۇشۇپ قالدىم.

تائەبەد

  • تائەبەد[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاخىرغىچە، مەڭگۈ:[مىسال:] ۋەتىنىم، سۆيگەن ئانام سەن، بارلىقىم قۇربان ساڭا، تائەبەد سادىق بولۇشتۇر مەندىكى ئارمان ساڭا.

تائەت

  • تائەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دىنىي ئەمەللەرنى ئىتائەتمەنلىك بىلەن بېجىرىش.

تائەت-ئىبادەت

  • تائەت-ئىبادەت[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] تائەت ۋە ئىبادەت:[مىسال:] ئۇ ئۆز گۇناھىنى تىلەپ، تائەت-ئىبادەتكە شەيتان ئارىلاشماسلىقى ئۈچۈن، كۈندە پەقەت ئىككى نۆۋەتلا ئوزۇقلىناتتى.

تابلېتكا

  • تابلېتكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] تۈگمە شەكلىدە ياسالغان دورا.

تابىئە

  • تابىئە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] «تەۋە»گە قاراڭ.

تاپⅠ

  • تاپⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھايۋانات ياكى جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكى؛ مۇردا، جەسەت:[مىسال:] ئاسماندا تاپ يېگۈچى قۇزغۇنلار ئەگىپ ئۇچۇشاتتى.

تاپⅡ

  • تاپⅡ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېتىزنى ئاغدۇرغاندا قالغان قوش ئىزى، قۇر:[مىسال:] تاپ ئاچماق. تاپ سالماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بەش تاپ بۇغداي.

تاپ بېسىپ

  • تاپ بېسىپ[يەشمىسى:] ئارقىدىنلا، بىر قەدەم كەينىدىن:[مىسال:] ئۇ ئاپتوبۇس بېكىتىگە كېلىپ ئەمدىلا ئاپتوبۇسقا چىقىشىغا رازۋېدكىچىمۇ تاپ بېسىپ ئاپتوبۇسقا چىقىدۇ.

تاپتىن چىقماق

  • تاپتىن چىقماق[يەشمىسى:] قانۇن-قائىدە، تەرتىپ-ئىنتىزام، پرىنسىپ، بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئىش قىلماق؛ ھەددىدىن ئېشىپ كەتمەك:[مىسال:] ياشلار تاپتىن چىقىپ كېتىۋاتىدۇ، زامان ئۇنداق كېتىۋەرمەس، ئوڭشىلىپ قالار.

تاپقا كىرمەك

  • تاپقا كىرمەك[يەشمىسى:] قانۇن-قائىدە، تەرتىپ-ئىنتىزام، پرىنسىپ، بەلگىلىمە بويىچەئىش قىلىشنى ئۆگەنمەك:[مىسال:] ئۇ ھەرقانچە بەڭۋاش بولسىمۇ، بىز سىزىپ بەرگەن تاپقا كىرمەي مۇمكىن ئەمەس.

تاپⅢ

  • تاپⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەيت، پۇرسەت، ۋاقىت:[مىسال:] شۇ تاپ تەشنالىقىم قاندى، ۋۇجۇدۇم-جان بېغىم ياشناپ.

تاپⅣ

  • تاپⅣ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] چىدام، تاقەت، بەرداش:[مىسال:] تاپ كېلەلمەسلىك.

تاپا

  • تاپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىركىمگە قىلىنغان تەنە، دوق؛ ئاغرىنىش:[مىسال:] تاپا قىلماق.

تاپا-تەنە

  • تاپا-تەنە[يەشمىسى:] بىركىمنىڭ قىلغان ئىش-ھەرىكىتى، گەپ-سۆزلىرىدىن نارازى بولۇپ ئۇنىڭغا قىلىنغان دوق، بېرىلگەن دەككە، دەشنەم:[مىسال:] تاپا-تەنە قىلماق. تاپا-تەنىگە قالماق.

تاپارمەن

  • تاپارمەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنى تېز تاپالايدىغان، تېپىشقا ئۇستا:[مىسال:] تاپارمەن ئادەم.

تاپان

  • تاپان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پۇت ئاستىنىڭ ئارقا قىسمى:[مىسال:] تاپىنى يېرىلماق. تاپىنى ئاغرىماق.[يەشمىسى:] ② ئاياغ كىيىمنىڭ شۇ جايغا توغرا كېلىدىغان قىسمى:[مىسال:] ئۆتۈكنىڭ تاپىنى تېشىلمەك.[يەشمىسى:] ③ ئۆزەڭگىنىڭ پۇتنىڭ ئاستى تېگىپ تۇرىدىغان قىسمى. [يەشمىسى:] ④ قايچا، لاخشىگىر قاتارلىقلار تىغىنىڭ قارشى تەرىپى.⑤ كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ بېسىم ئوقىغا بېكىتىلىدىغان ۋە رەختنى بېسىپ تۇرىدىغان دېتالى.⑥ قارتا ئويۇنىدىكى شەكلى تاپانغا ئوخشايدىغان قىزىل رەڭلىك بەلگە ۋە شۇ خىل بەلگىگە ئىگە قەغەز.

تاپان باستى

  • تاپان باستى[يەشمىسى:] گۇمانخورلۇق بىلەن باشقىلارنىڭ گەپ-سۆز، ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىپ يۈرىدىغان كىشى:[مىسال:] مەن گەپ تىڭشايدىغان ماراقچىلاردىنمۇ، خۇدۈكى بار تاپان باستىلاردىنمۇ قورقمايمەن.

تاپان باستۇرۇپ

  • تاپان باستۇرۇپ[يەشمىسى:] «تاپ بېسىپ»قا قاراڭ:[مىسال:] قۇلاق كەستىلەر تاغامنىڭ كەينىدىن تاپان باستۇرۇپ ئاتلىق قوغلاپتۇ.

تاپان تەشتى

  • تاپان تەشتى[يەشمىسى:] ھىيلىگەر، قۇۋ، ھارامزادە:[مىسال:] ئۇ ئۆتۈپ كەتكەن تاپان تەشتى بىرنەرسە.

تاپان ھەققى

  • تاپان ھەققى[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ بىرەر ئىشى ئۈچۈن مېڭىشىپ بەرگەن يولى، قىلغان ياردىمى بەدىلىگە بېرىلگەن ئىش ھەققى، پۇل:[مىسال:] تاپان ھەققى بەرمەك. تاپان ھەققى ئالماق.

تاپان يالىماق

  • تاپان يالىماق[يەشمىسى:] ئادەتتىن تاشقىرى خۇشامەت، يالاقچىلىق قىلماق:[مىسال:] بەزىلەر ئەمەلنى دەپ يالار تاپان، سۆكسۆكنى ئەتىر دەيدۇ يېپىپ چاپان.

تاپىنى تېشىلگۈدەك بولماق

  • تاپىنى تېشىلگۈدەك بولماق[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ماڭماق، تىنىمسىز ھەرىكەت قىلماق:[مىسال:] روزىمەتئاخۇن گۇڭ تۇتقان بوغالتىرغا: شاللىقىمنى ئەي قىلىش ئۈچۈن تاپىنىم تېشىلگۈدەك بولغىنىنى «بەشبۇلاق»نىڭ قۇرت-قوڭغۇز، چۈمۈلىلىرىمۇ بىلىدۇ، دېدى.

تاپىنىدىن كىرىپ مېڭىسىدىن چىقماق

  • تاپىنىدىن كىرىپ مېڭىسىدىن چىقماق[يەشمىسى:] ئىنتايىن قاتتىق تەسىر قىلماق:[مىسال:] بەختىيار خەۋەرلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر پارچە ئوت ئۇنىڭ تاپىنىدىن كىرىپ مېڭىسىدىن چىقىپ كەتكەندەك بولدى-دە، ئويلىغانسېرى پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالماي قالدى.

تاپىنى قىزىماق

  • تاپىنى قىزىماق[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى نەرسىگە ھەۋەسلەنگەنلىكتىن ئورنىدا تۇرالماي قالماق:[مىسال:] چېلىش مەيدانىغا بارغان بۇ ئەزىمەت تاپىنى قىزىپ تۇرالماي قالدى.

تاپىنىنىڭ كىرىنى شۈممەك

  • تاپىنىنىڭ كىرىنى شۈممەك[يەشمىسى:] «تاپىنىنى يالىماق»قا قاراڭ:[مىسال:] بۇ بازاردىكى غالچا ئىتلارنىڭ ساھىبتەدبىرى مەنسەپدارلارنىڭ تاپىنىنىڭ كىرىنى شۈمۈپ ياشايدىغان يۇندىخور.

تاپىنىنى يالىماق

  • تاپىنىنى يالىماق[يەشمىسى:] خۇشامەت قىلماق، بېقىنغا كىرىپ كۈن كۆرمەك:[مىسال:] مۇسۇلمانمەن... سەندەك گومىنداڭ تاپىنىنى يالايدىغان مۇسۇلمانلارنى قىرىدىغان مۇسۇلمانمەن.

تاپىنىنى يەرگە تەگكۈزمەي

  • تاپىنىنى يەرگە تەگكۈزمەي[يەشمىسى:] كۆتۈرگەن پېتى، ناھايىتى چاققان:[مىسال:] سىلەر دەرھال بېرىپ، ئۇ خۇنپەرنىڭ تاپىنىنى يەرگە تەگكۈزمەي ئەكېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى بەگ دورغىلىرىغا،

تاپىنى يەرگە تەگمەي

  • تاپىنى يەرگە تەگمەي[يەشمىسى:] تولىمۇ ئالدىراشلىق بىلەن، تىنىم تاپماي:[مىسال:] ھەر كۈنى تاپىنىم يەرگە تەگمەي ئىشلىسەممۇ، چوڭ قۇشناچ: «نان قېپى، ناننى ھارام يەۋاتىسەن» دەپ تىللايدۇ.

تاپانچا

  • تاپانچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] بىر قول بىلەن ئاتىدىغان قىسقا يان قورال.

تاپانچىلىق

  • تاپانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاپانچىسى بار، تاپانچا ئاسقان:[مىسال:] قوش تاپانچىلىق يىگىت.

تاپانداشماق

  • تاپانداشماق[يەشمىسى:] «تاپاندىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مىرشەپلەر ئۆتۈپ كېتىشى ھامان تاشۋاي ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تاپاندىشىپ ماڭدى.

تاپاندىماق

  • تاپاندىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېقىندىن ئەگىشىپ ياكى ئارقىسىدىن قالماي ماڭماق، تاپ بېسىپ ماڭماق:[مىسال:] ئۇ ئارقامدىن تاپانداپلا كېلىۋاتاتتى.

تاپانلىق

  • تاپانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاپىنى بار، تاپان ئورنىتىلغان:[مىسال:] زەنجىر تاپانلىق تراكتور.

تاپاۋەت

  • تاپاۋەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پايدا، كىرىم:[مىسال:] تاپاۋەت قىلماق.

تاپاۋەتچى

  • تاپاۋەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاپاۋەت قىلىدىغان ئادەم:[مىسال:] بۇ يەردىكى تاپاۋەتچىلەرمۇ بىر-بىرىدىن قالماي ئۆز ھۈنىرىنى كۆرسىتىشمەكتە ئىدى.

تاپاۋەتلىك

  • تاپاۋەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاپاۋىتى بار، پايدا-مەنپەئىتى ياخشى:[مىسال:] تاپاۋەتلىك كەسىپ.

تاپتۇرماق

  • تاپتۇرماق[يەشمىسى:] «تاپماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تۆمۈر خەلپە خوجىنىيازنى تاپتۇرۇپ كېلىپ، ئۆز ئەسكەرلىرىگە قورال-ياراغ ئۆگىتىشكە تەيىنلەيدۇ.

تاپسا

  • تاپسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆينىڭ ئىشىكى بىلەن سۇپا ياكى كاڭ ئارىلىقىدىكى بوشلۇق:[مىسال:] ئۇ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ تاپسىغا چۈشتى.

تاپسىلىق

  • تاپسىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاپسىسى بار، تاپسا قىلىنغان:[مىسال:] تاپسىلىق كاڭ.

تاپشۇرتماق

  • تاپشۇرتماق[يەشمىسى:] «تاپشۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تاپشۇرما

  • تاپشۇرما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاپشۇرۇلغان، بۇيرۇلغان ئىش؛ ۋەزىپە:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ تاپشۇرمىلىرىنى ھەرقاچان يۈزدەيۈز ئورۇندايمەن.

تاپشۇرماق

  • تاپشۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى شەخسىينىڭ ياكى كوللېكتىپنىڭ قولىغا، ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەك:[مىسال:] نىجات قولىدىكى پورتماننى ساقچىلارغا تاپشۇردى.[يەشمىسى:] ② بىركىمنىڭ زىممىسىگە بىرەر ئىش ياكى ۋەزىپە يۈكلىمەك:[مىسال:] خىزمەت تاپشۇرماق. * تۆتەيلەن پىكىرلىشىپ بۇ ئىشنى شائىرغا تاپشۇردى.

تاپشۇرۇشماق

  • تاپشۇرۇشماق[يەشمىسى:] «تاپشۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] دېھقانلار ئېشىنچا ئاشلىقلىرىنى بەس-بەس بىلەن دۆلەتكە تاپشۇرۇشماقتا.

تاپشۇرۇق

  • تاپشۇرۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىركىمنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئىش؛ ۋەزىپە:[مىسال:] ناھىيىلىك پارتكومنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە بىز ئۈچىمىز خىزمەت تەكشۈرۈشكە ماڭدۇق.[يەشمىسى:] ② ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل ئىشلىشى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن بېرىلگەن دەرس مەزمۇنى:[مىسال:] تاپشۇرۇق دەپتىرى. تاپشۇرۇق بەرمەك.

تاپشۇرۇلماق

  • تاپشۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تاپشۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆي-جايلىرىم ۋاقتىنچە ئاكامغا تاپشۇرۇلدى.

تاپقاق

  • تاپقاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاپىدىغان، تاپالايدىغان؛ تاپقۇر:[مىسال:] تاپقاق ئادەم.

تاپقان-تەرگەن

  • تاپقان-تەرگەن[يەشمىسى:] ئەجىر قىلىپ تاپقان ۋە يىغقان ھەممە نەرسە:[مىسال:] بىزنىڭ تاپقان-تەرگىنىمىزمۇ سەن ئۈچۈن.

تاپقان-تۈگكەن

  • تاپقان-تۈگكەن[يەشمىسى:] «تاپقان-تەرگەن»گە قاراڭ:[مىسال:] پۈتۈن تاپقان-تۈگكىنىمىزنى بىر توپ قۇترىغان ھايۋانلارغا بېرىپ قويارمىشمىز.

تاپقۇر

  • تاپقۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئويلاپلا تېز تاپالايدىغان، تاپقاق:[مىسال:] شاھ بەھرام بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، تاپقۇر، ئەقىل-پاراسەتلىك خوجايىنغا قايىل بوپتۇ.

تاپقۇرلۇق

  • تاپقۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئويلاپلا تېز تېپىش:[مىسال:] بارىكاللا قىزىم تاپقۇرلۇقۇڭغا دەپتۇ رابى بىننى ھاتەم ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ.

تاپماق

  • تاپماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئارزۇ قىلغان، ئىزدىگەن نەرسىنى قولغا كەلتۈرمەك:[مىسال:] خوتۇن قالسا ئەر تاپار، ئەر قالسا مال تاپار (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئەمگەك قىلىپ ياراتماق، تىرىشىپ ئىگە بولماق:[مىسال:] قۇدرەت ئىشنىڭ سىرتىدا قوشۇمچە موزدۇزلۇق قىلىپ 250 كوي تاپتى.[يەشمىسى:] ③ ... دەپ قارىماق، ... دەپ ھېسابلىماق:[مىسال:] مۇۋاپىق تاپماق. زۆرۈر تاپماق. لازىم تاپماق.[يەشمىسى:] ④ بەزى ئىسىملار بىلەن بىللە كېلىپ ئۇنى پېئىللاشتۇرىدۇ:[مىسال:] روناق تاپماق. ئارام تاپماق.

تاپىر

  • تاپىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىسپانچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، قۇيرۇقى قىسقا كېلىدۇ؛ بۇرنى ئۇزۇن بولۇپ ئالدىغا چىقىپ تۇرىدۇ، ئالدى پۇتى تۆت بارماقلىق، كەينى پۇتى ئۈچ بارماقلىق كېلىدۇ؛ تروپىك بەلۋاغدا ياشايدۇ.

تاپىلاشماق

  • تاپىلاشماق[يەشمىسى:] «تاپىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تاپىلانماق

  • تاپىلانماق[يەشمىسى:] «تاپىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ شىركەتكە يىغىۋېلىنغان پۇللارنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇۋېتىش تاپىلاندى.

تاپىلىماق

  • تاپىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى بىرەر مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى، بېجىرىلىشى، ساقلىنىشى قاتارلىقلارنى بىركىمگە تاپشۇرماق؛ جېكىلىمەك:[مىسال:] ئابلىكىمگە ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويۇشنى تاپىلاپ يولغا چىقتىم.

تات

  • تات[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مىلتىق، ئاپتۇمات قاتارلىقلار ئېتىلغاندا ئاڭلانغان ئاۋاز:[مىسال:] ئورماندا «تات» قىلغان مىلتىق ئاۋازى ئاڭلاندى.

تاتاتلاتماق

  • تاتاتلاتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «تاتاتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تاتاتلىماق

  • تاتاتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «تات-تات» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] دەسلەپ تاپانچىنىڭ، كېيىن تاتاتلاپ ئېتىلغان ئاپتوماتنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.

تاتار

  • تاتار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. تاتار مىللىتىنىڭ ئاز بىر قىسمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى، چۆچەك، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلىرىغا؛ ئاساسلىق قىسمى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋولگا دەرياسى بويلىرى، سىبىر، قىرىم قاتارلىق جايلىرىغا ئولتۇراقلاشقان.

تاتارتماق

  • تاتارتماق[يەشمىسى:] «تاتارماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تاتارچە

  • تاتارچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاتار خەلقىگە، ئۇنىڭ يېزىقى، تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] تاتارچە ئۇسسۇل. تاتارچە ئادەت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاتار تىلى ۋە يېزىقى:[مىسال:] ئۇ تاتارچىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تاتار تىلىنى ئىشلىتىپ، تاتار تىلىدا:[مىسال:] تاتارچە سۆزلەشمەك.

تاتارماق

  • تاتارماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چىرايى ئۆزگىرىپ، ئۆڭى ئۆچمەك، چىرايى ئاقارماق:[مىسال:] چىرايى تاتارماق.

تاتازا

  • تاتازا[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] باغلام، پېچەت:[مىسال:] بىر تاتازا پۇل.

تات-تات

  • تات-تات[يەشمىسى:] «تات» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

تاتق

  • تاتق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەم، لەززەت:[مىسال:] تاتقى يوق تاماق.

تاتلىق

  • تاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تەمى، لەززىتى ياخشى؛ تەملىك، مەززىلىك:[مىسال:] تاتلىق تاماق. تاتلىق يېمەكلىك. * ئەمگەكنىڭ نېنى تاتلىق، ھۇرۇننىڭ جېنى تاتلىق (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] لەززەت، ھۇزۇر بېغىشلايدىغان؛ شېرىن:[مىسال:] تاتلىق ئۇيقۇ. تاتلىق ئارزۇ.

تاتلىق-تۇرۇم

  • تاتلىق-تۇرۇم[يەشمىسى:] ھەر خىل تاتلىق يېمەكلىكلەر:[مىسال:] يۇمىلاق شىرەنىڭ ئۈستى خىلمۇخىل تاتلىق-تۇرۇم، قەنت-گېزەكلەر بىلەن لىق تولغانىدى.

تاتلىقلىق

  • تاتلىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاتلىق، مەززىلىك تەم:[مىسال:] بېھىشنىڭ ئىشىكىدە بىر تۈپ ئاناردۇر، ئۇنىڭ تاتلىقلىقى تىلنى يارادۇر.

تاتلىقياڭيۇ

  • تاتلىقياڭيۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاتلىق+ياڭيۇ[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① يۆگەي ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئىستېمال قىلىشتىن باشقا ئۇنىڭدىن يەنە قەنت ئېلىشقا ۋە ئىسپىرت ئىشلەشكە بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ تۈگۈنەك يىلتىزى.

تاتۇق

  • تاتۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جاراھەت ئىزى:[مىسال:] ئۇنىڭ چېكىسىدە تاتۇقى بار.

تاتىراڭ

  • تاتىراڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېتىپ كەتكەن، قۇرغاق؛ ھېچ نەرسە ئۈنمىگەن:[مىسال:] تاتىراڭ ئېتىز.

تاتىراڭغۇ

  • تاتىراڭغۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاتارغان، ئۆڭگەن:[مىسال:] تاتىراڭغۇ چىراي. تاتىراڭغۇ يۈز.

تاتىراڭلىق

  • تاتىراڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قۇرغاق ۋە قاتتىقلىق:[مىسال:] بۇ يەرنىڭ تاتىراڭلىقىدىن بۇغداي ئالا بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ② تاتىراڭ يەر:[مىسال:] جەننەتتەك گۈزەل، ئاۋات قىشلاقلارنىڭ قاقاس تاتىراڭلىققا ئايلىنىشىغا سەن سەۋەبچى ئەمەسمۇ

تاتىرىشماق

  • تاتىرىشماق[يەشمىسى:] «تاتارماق» پېئىلنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ قاپاقلىرى سېلىنغان، رەڭگىرويى ئۆڭۈپ، تاتىرىشىپ كەتكەنىدى.

تاتىلاتماق

  • تاتىلاتماق[يەشمىسى:] «تاتىلىماق» پېئىلنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دۈمبىسىنى تاتىلاتماق.

تاتىلاشتۇرماق

  • تاتىلاشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۆز كۆرمىگەن ئەھۋالدا مەلۇم نەرسىنى قول بىلەن ئىزدىمەك:[مىسال:] ئامبۇرنى قاراڭغۇدا قولۇم بىلەن تاتىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ ئاران تاپتىم.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تىرىشىپ ئىزدەنمەك، بىر ئامال قىلماق:[مىسال:] مەن قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلىنى ئوقۇپ كەلگەندىن بېرى، تاتىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ «ئوغۇزنامە» نى ئوقۇپ ئاددىيلا بىر خاتىرە يازدىم.

تاتىلاشماق

  • تاتىلاشماق[يەشمىسى:] «تاتىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئەتىدىن-كەچكىچە قارنىنى تاتىلىشىپ ئۇخلىغىنى ئۇخلىغان.

تاتىلانماق

  • تاتىلانماق[يەشمىسى:] ① «تاتىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بالا بەدىنى قىچىشقانلىقتىن كېچىچە تاتىلىنىپ ياتتى.[يەشمىسى:] ② «تاتىلىماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] باغنىڭ تېمىغا تىكەن قويۇپ بولغۇچە قوللىرىم تاتىلىنىپ يېغىر بولۇپ كەتتى.

تاتىلداتماق

  • تاتىلداتماق[يەشمىسى:] «تاتىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مىجىت تراكتورىنى تاتىلدىتىپ يەر ئاغدۇرۇشقا ماڭدى.

تاتىلداشماق

  • تاتىلداشماق[يەشمىسى:] «تاتىلدىماق» پېئىلنىڭ ئۆملۈك درىجىسى.

تاتىلدىماق

  • تاتىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «تاتاتلىماق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئۇ «ئىنتىقام» دېگىنىچە قولىدىكى پىلىموت ئۇنىڭدىن بۇرۇن تاتىلداپ كەتتى.

تاتىلىغۇچ

  • تاتىلىغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئات-ئۇلاغلارنىڭ بوينىنى تاتىلاش، تۈكىنى تاراش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان، تۆمۈر ياكى ياغاچتىن ياسالغان تارغاقسىمان ئەسۋاب.

تاتىلىماق

  • تاتىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىرمىلىماق، قاشلىماق:[مىسال:] بېشىنى تاتىلىماق . تىرنىقىنى تاتىلىماق.

تاج

  • تاج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① پادىشاھلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئىپادە قىلىپ تۇرىدىغان ۋە قىممەت باھالىق زىننەت بويۇملىرىدىن ئىشلەنگەن باش كىيىم.[يەشمىسى:] ② بەزى قۇشلارنىڭ بېشىدىكى قىزىل گۆشسىمان ئۆسمە:[مىسال:] خورازنىڭ تاجى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گۈل كاسسىسىغا ئورۇنلاشقان بىر قانچە گۈل ياپراقچىلىرى:[مىسال:] گۈل تاجى.

تاجاۋۇز

  • تاجاۋۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قورال كۈچى بىلەن باشقىلارنىڭ زېمىنىگە باستۇرۇپ كىرىش:[مىسال:] تاجاۋۇز قىلماق.

تاجاۋۇزچى

  • تاجاۋۇزچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاجاۋۇز قىلغۇچى؛ باسمىچى.

تاجاۋۇزچىلىق

  • تاجاۋۇزچىلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتى:[مىسال:] جەنۇبىي سۇڭ خانىدانىلىقى دەسلىپىدە شىمال تەرەپتىن تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، جەنۇبقا كۆچكەنىكەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاجاۋۇز خاراكتېرىنى ئالغان، تاجاۋۇز خاراكتېرىدىكى:[مىسال:] تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەت.

تاجاۋۇزلۇق

  • تاجاۋۇزلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاجاۋۇز خاراكتېرىنى ئالغان، تاجاۋۇز تۈسىدىكى، تاجاۋۇزچىلىق:[مىسال:] تاجاۋۇزلۇق ھەرىكەت.

تاج-تەخت

  • تاج-تەخت[يەشمىسى:] تاج ۋە تەخت؛ ھۆكۈمرانلىق، ھاكىمىيەت:[مىسال:] تاج-تەختىدىن ئايرىلماق.

تاجدار

  • تاجدار[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاج كىيگەن، تاجلىق:[مىسال:] ئايا، تاجدار ئادىل جاناب ماڭا قىلدىڭ ياخشىلىق بىھېساب.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پادىشاھ:[مىسال:] بۇ ھوقۇق، ئەركنى سەن بەردىڭ بىزگە، ۋە ئۇنى ھېچكىممۇ تارتىپ ئالالماس. تاجدارلار ھەممىگە قىلىچ سالسىمۇ، ۋە لېكىن بىر ساڭا قىلىچ سالالماس.

تاج-دۆلەت

  • تاج-دۆلەت[يەشمىسى:] تاج ۋە دۆلەت:[مىسال:] ئىلاھىم تاج-دۆلەتلىرى تېخىمۇ زىيادە بولغاي، دەپ دۇئا قىلىپتۇ دەرۋىش ئوردىدىن چىقىشنىڭ ئالدىدا.

تاجسىز

  • تاجسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاجىسى يوق، تاج قادىمىغان:[مىسال:] پادىشاھ تەختتە ھېچقاچان تاجسىز ئولتۇرمايدۇ.

تاجسىمان

  • تاجسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەكلى تاجغا ئوخشايدىغان:[مىسال:] تاجسىمان ئارتېرىيە.

تاجلىق

  • تاجلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاجى بار، تاج كىيگەن:[مىسال:] تاجلىق خوراز.

تاجىك

  • تاجىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. بۇلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشقورغان ناھىيىسىگە ئورۇنلاشقان ۋە يەكەن، قاغىلىق، پوسكام، گۇما قاتارلىق ناھىيىلەرگە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. مەملىكىتىمىز سىرتىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاجىكىستان دۆلىتىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىران ۋە ئافغانىستاندىمۇ بار.

تاجىكچە

  • تاجىكچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاجىك خەلقىگە، ئۇنىڭ يېزىقى، تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] تاجىكچە ئۇسسۇل، تاجىكچە ئادەت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاجىك تىلى:[مىسال:] مەن تاجىكچىنى بىلىمەن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تاجىك تىلىنى ئىشلىتىپ، تاجىك تىلىدا:[مىسال:] تاجىكچە سۆزلەشمەك.

تاجىگۈل

  • تاجىگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاج+ى+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تاجىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ئۆسۈملۈك. گۈلى ۋە ئۇرۇقى دورا قىلىنىدۇ؛ ئۇرۇقى قېرىق، زەھەرسىز، يەللىك ئىسسىقنى پەسەيتىپ، جىگەرنى تازىلاپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ؛ گۈلى تاتلىق بولۇپ، قىزىتمىنى پەسەيتىدۇ، قاننى سوۋۇتىدۇ ۋە تولغاقنىمۇ توختىتىدۇ.

تاخ

  • تاخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] توخۇنى قوغلاش، ھەيدەشنى بىلدۈرىدىغان بۇيرۇق ئىماسى:[مىسال:] توخۇنى تاخ دېمە، مۈشۈكنى پەش دېمە (ماقال).

تاختا

  • تاختا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① دەرەخ غولىدىن ئۇزۇنىسىغا تىلىنغان يېسسى ياغاچ؛ شال:[مىسال:] قارىغاي تاختا.∥تاختا كۆۋرۈك.[يەشمىسى:] ② خېمىر يېيىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇزۇن، ياپىلاق شال، ئاشتاختا:[مىسال:] ئاشنى تاختىغا ئالغۇچە چاپاننى پاختىغا ئالغۇچە (ماقال).[يەشمىسى:] ③ ھەر خىل چوڭلۇقتىكى تۆت بۇرجەك، يۈزى تەكشى نەرسىلەر:[مىسال:] بالام، قارىچاينىڭ كىچىك تاختىسى بولسا شۇنىڭدىن ئال.[يەشمىسى:] ④ قوغۇن ئېتىزىنىڭ پېلەك ئۆسۈپ، قوغۇن چۈشىدىغان جايى:[مىسال:] ھەر خىل تۈردىكى قوغۇننىڭ چۆنەك، تاختىلىرى ئايرىم ئىدى.[يەشمىسى:] ⑤ كونا مەكتەپلەردە بالىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۈستىگە ھەرپ يېزىلغان، سىلىق ۋە كىچىك تۇتقۇچلۇق تاختاي.[يەشمىسى:] ⑥ ساناق سانلار بىلەن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر تاختا قەغەز. بىر تاختا چاي.

تاختاي

  • تاختاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئۇزۇنىغا تىلىنغان يېسسى ياغاچ تاختا؛ شال:[مىسال:] تاختاي ئورناتماق.[يەشمىسى:] ② بور بىلەن خەت يېزىش ئۈچۈن ياغاچ ياكى باشقا نەرسىدىن ياسالغان دوسكا:[مىسال:] تاختايغا خەت يازماق.

تاختايباھاسى

  • تاختايباھاسى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاختاي+باھا+سى[[يەشمىسى:] دۆلەت تەرىپىدىن بىر تۇتاش بەلگىلەنگەن باھا:[مىسال:] ھېچبولمىغاندا، تاختايباھاسى بويىچە پۇل بېرىڭلار.

تاختايلىق

  • تاختايلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاختىيى بار، تاختاي ئورنىتىلغان:[مىسال:] تاختايلىق ئۆي. تاختايلىق سۇپا.

تاختىپەر

  • تاختىپەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① شاھ، خانلارنى قارشى ئېلىش، دەم ئالدۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىتلىق ياسىغان سەھنە ۋە شۇ سەھنىدىكى تەخت شەكىللىك ئورۇندۇق:[مىسال:] تاختىپەردە ئولتۇرماق. تاختىپەرگە چىقماق.[يەشمىسى:] ② كۈندىلىك گېزىت، ئېلان، ئۇقتۇرۇش قاتارلىقلارنى چاپلاش ئۈچۈن، تاختايدىن ياسالغان جاھازا:[مىسال:] يىغىلىپتۇ قانچە ئادەم تاختىپەرنىڭ ئالدىغا، ئاستا كەلدىم يېنىغا، ئۆزۈمنى ئالدىم دالدىغا.[يەشمىسى:] ③ دارۋاز باغلىغان دارنىڭ ئەڭ ئۈستىگە تاختايدىن ياسالغان ئورۇندۇق:[مىسال:] دارۋاز تاختىپەرگە چىقىپ بىردەم تۇردى-دە، ئاندىن دار ئۈستىدە موللاق ئېتىشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] بىناكارلىق قۇرۇلۇشىدا تامچىلارنىڭ ئېگىزلىكتە تۇرۇپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن قۇرۇلغان جاھاز.

تاختىسىمان

  • تاختىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاختىغا ئوخشاش، تاختىدەك:[مىسال:] تاختىسىمان قۇرۇلما.

تاختىلاتماق

  • تاختىلاتماق[يەشمىسى:] «تاختىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئېتىزنى تاختىلاتماق.

تاختىلاشماق

  • تاختىلاشماق[يەشمىسى:] ① «تاختىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② تاختا ھالىتىگە كەلمەك، تاختا بولماق.

تاختىلانماق

  • تاختىلانماق[يەشمىسى:] ① «تاختىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۈگۈن ئۈچ مو يەر تاختىلاندى.[يەشمىسى:] ② بۇغداي، ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەر تەكشى ئۆسۈپ يېتىشمەك، تەكشىلەنمەك:[مىسال:] بۇغداي تاختىلانغاندا، خۇددى ئۆزۈم تېرىغان بۇغدايدەك قاراپ كېتىمەن.

تاختىلىماق

  • تاختىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① تاختا ھالىتىگە كەلتۈرمەك، تاختا قىلماق:[مىسال:] قەغەزنى تاختىلىماق. جۇۋا تاختىلىماق. [يەشمىسى:] ② تاختا ھالىتىگە كەلتۈرۈپ تەكشىلىمەك، چاسىلاشتۇرۇپ تۈزلىمەك:[مىسال:] يەرنى تاختىلىماق. * ئىشلىۋەتتۇق كەڭ ئېتىزنى تاختىلاپ، يارنى ئەتتۇق قىرلىرىنى پۇختىلاپ.

تاختىمۈشۈك

  • تاختىمۈشۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاختا+مۈشۈك[[يەشمىسى:] چاشقان تۇتۇش ئۈچۈن، پۇرژىنىلىق باستۇرما ئورنىتىلىپ ياسالغان باسماق:[مىسال:] تاختىمۈشۈك قويماق.

تاختىۋېشى

  • تاختىۋېشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاختا+باش+ى[[يەشمىسى:] ئويۇقۋېشى ياكى ئادەم بويى يەتكۈدەك ئېگىزلىككە ئورنىتىلغان تاختا ۋە ئۇنىڭ ئۈستى.

تاختىۋېشىغا ئېلىپ قويماق

  • تاختىۋېشىغا ئېلىپ قويماق[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى مۇھىم دەپ بىلمەستىن، ئۇنى نەزەردىن ساقىت قىلماق:[مىسال:] ئالگېبرا، گېئومېتىرىيە، فىزىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، فىزىئولوگىيە، ئاناتومىيە، پېداگوگىكا، پسىخولوگىيە دېگەن پەنلەر تاختىۋېشىغا ئېلىپ قويۇلىدۇ. ئىچىڭ تىت-تىت بولىدۇ.

تاخسا

  • تاخسا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تېيىز.

تاخېئومېتىر

  • تاخېئومېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ئارىلىق ئۆلچەيدىغان شكالىلىق دۇربۇن.

تادان

  • تادان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خىلمۇخىل ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىدىغان؛ قۇۋ:[مىسال:] تادان ئادەم. * نادان قازانغا قارايدۇ، تادان ئوچاققا (ماقال).

تادانلىق

  • تادانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خىلمۇخىل ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىش، قۇۋلۇق:[مىسال:] تادانلىق قىلماق.

تارⅠ

  • تارⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كەڭ ئەمەس؛ ئەنسىز:[مىسال:] تار كوچا.[يەشمىسى:] ② ھەجمى ۋە سىغىمچانلىقى ئانچە چوڭ بولمىغان:[مىسال:] قىش ئوچىقى تار، قوپ ئۆيۈڭگە بار (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەركىن ئەمەس:[مىسال:] دۇنيا نېمىدېگەن تار، ياشاش نېمىدېگەن زۇلۇم-ھە[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر شەيئى ۋە مەسىلىلەرگە بولغان چۈشەنچىسى ئەتراپلىق ئەمەس؛ چەكلىك، كەم:[مىسال:] تار كۆز قاراش. چۈشەنچىسى تار.

تارⅡ

  • تارⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ تەۋرىنىپ تاۋۇش چىقىرىدىغان يىپى:[مىسال:] ئۈچەي تار. يىپەك تار.

تاراتماقⅠ

  • تاراتماقⅠ[يەشمىسى:] «تارىماقⅠ»پېئىلنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تاراتماقⅡ

  • تاراتماقⅡ[يەشمىسى:] «تارىماقⅡ»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] پىتنە-ئىغۋا تاراتماق.

تارازا

  • تارازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئېغىرلىق ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ بىر خىلى.

تارازىچى

  • تارازىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تارازا تۇتىدىغان، تارازىدا بىرنەرسە تارتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى.

تارازىيۇلتۇز

  • تارازىيۇلتۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تارازا+يۇلتۇز[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] مىزان يۇلتۇز تۈركۈمى.

تاراس

  • تاراس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] جىسىملارنىڭ بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇشىدىن ياكى يېرىلىشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] «تاراس» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق.

تاراس-تاراس

  • تاراس-تاراس[يەشمىسى:] «تاراس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

تاراس-تۇرۇس

  • تاراس-تۇرۇس[يەشمىسى:] «تاراس» قىلغان ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] گۈلدۈر-گۈلدۈر، تاراس-تۇرۇسلار يەر جاھاننى لەرزىگە كەلتۈرۈۋەتتى.

تاراسلاتماق

  • تاراسلاتماق[يەشمىسى:] «تاراسلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بېشىدىن ئەمدىلا ئۆتەي دېگەن بىر ئايرۇپىلانغا ئاپتوماتىدىن تاراسلىتىپ ئوق ئۈزدى.

تاراسلاشماق

  • تاراسلاشماق[يەشمىسى:] «تاراسلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تاراسلىماق

  • تاراسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «تاراس»قىلىپ ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] پوتەيلەردىن يەنە تاراسلاپ ئوقلار ئېتىلىپ قالدى.

تاراش

  • تاراش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ياكى تەكشىلىكنىڭ ئۈستىدىكى يونۇپ، قىرىپ سىلىقلاشقا تېگىشلىك ئېگىز-پەسلىك:[مىسال:] ئۆستەڭنىڭ تارىشىنى ئالماق.

تاراشلاتماق

  • تاراشلاتماق[يەشمىسى:] «تاراشلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تاراشلاشماق

  • تاراشلاشماق[يەشمىسى:] «تاراشلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىز ئۇلارغا يېڭى چاپقان ئېرىقنىڭ ئىككى قېشىنى تاراشلىشىپ بەردۇق.

تاراشلاقسىز

  • تاراشلاقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تارىشى ئېلىنمىغان، تاراشلانمىغان:[مىسال:] تاراشلاقسىز قىر.

تاراشلاقلىق

  • تاراشلاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تارىشى ئېلىنغان، تاراشلانغان:[مىسال:] تاراشلاقلىق قىر.

تاراشلانماق

  • تاراشلانماق[يەشمىسى:] «تاراشلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كۆكتات ئېتىزلىرىنىڭ قىرلىرى تاراشلىنىپ ئۇرۇق سېلىش ھازىرلىقى پۈتتى.

تاراشلىماق

  • تاراشلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يونۇپ، قىرىپ سىلىقلىماق:[مىسال:] تاش تاراشلىماق.

تاراشماقⅠ

  • تاراشماقⅠ[يەشمىسى:] «تارىماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سىنىپتىكى قىزلار دەم ئېلىش ۋاقتىدا بىر-بىرىنىڭ چېچىنى تاراشتى.

تاراشماقⅡ

  • تاراشماقⅡ[يەشمىسى:] «تارىماقⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلار دەرستىن چۈشۈپ ئۆي-ئۆيلىرىگە تاراشتى.

تاراق

  • تاراق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق جىسىملارنىڭ ياكى نەرسىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] «تاراق» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىشىك تۇيۇقسىزلا ئېچىلىپ، غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولغان رەنا ئىشىكتە پەيدا بولدى.

تاراق-تاراق

  • تاراق-تاراق[يەشمىسى:] «تاراق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

تاراق-تۇرۇق

  • تاراق-تۇرۇق[يەشمىسى:] «تاراق» قىلغان ۋە شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] ئورۇندۇقلارنى ئۇيان-بۇيان يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋاقىتتىكى تاراق-تۇرۇقلار كىشىنى بىزار قىلاتتى.

تاراقچۆپ

  • تاراقچۆپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاراق+چۆپ[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئەلا سۈپەتلىك كۈزلۈك يەم-خەشەك ھېسابلىنىدۇ؛ دېنىدىن كراخمال ئىشلەشكە بولىدۇ.

تاراققىدە

  • تاراققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «تاراق» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ، «تاراق» قىلىپ:[مىسال:] ئۇ تۆۋەنكى قەۋەتتىكى چوڭلارنىڭ ئايىغىدىن ئىككىنى ئېلىپ، پەشتاختا ئۈستىگە تاراققىدە تاشلىدى.

تاراقلاتماق

  • تاراقلاتماق[يەشمىسى:] «تاراقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ يەنىلا تەشەببۇسكار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرماقچى بولغاندەك، ئۈستەللەرنى تاراقلىتىپ قويدى.

تاراقلاشماق

  • تاراقلاشماق[يەشمىسى:] «تاراقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] توخۇ-تۇخۇم ئالىدىغانلار ئۇنىڭ ئالدىغا تاراقلىشىپ ئۆزلىرىلا چىقىشىدۇ.

تاراقلىماق

  • تاراقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «تاراق-تاراق» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] دەھشەتلىك بىر ئاۋاز بىلەن ئىشىك تاراقلاپ، ئىچكىرىسىگە ئۆرۈلۈپ ئىككى پارچە بولدى.

تاراڭ

  • تاراڭ [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز. [يەشمىسى:] قاتتىق جىسىملارنىڭ بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز.

تاراڭ-تاراڭ

  • تاراڭ-تاراڭ[يەشمىسى:] «تاراڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

تاراڭ-تۇرۇڭ

  • تاراڭ-تۇرۇڭ[يەشمىسى:] «تاراڭ» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] ئۇلار داس-چېلەكلەردىن قاتتىق تاراڭ-تۇرۇڭ ئاۋاز چىقىرىپ يۈگۈرۈشۈپ كېلىۋاتاتتى.

تاراڭلاتماق

  • تاراڭلاتماق[يەشمىسى:] «تاراڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] داپەندە دېپىنى يەنىمۇ كۈچەپرەك تاراڭلىتىشقا باشلىدى.

تاراڭلاشماق

  • تاراڭلاشماق[يەشمىسى:] «تاراڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تاراڭلىماق

  • تاراڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «تاراڭ-تاراڭ» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] سىرتتا چېلەكلەرنىڭ تاراڭلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

تارالماقⅠ

  • تارالماقⅠ[يەشمىسى:] «تارىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئاينىسا تارالغان چاچلىرىنى مايلىدى.

تارالماقⅡ

  • تارالماقⅡ[يەشمىسى:] ① «تارىماقⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مەيداندىكى خەلق تارالدى.[يەشمىسى:] ② «تارىماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ قوشاقلىرى خەلق ئارىسىغا كەڭ تارالغانىدى.

تارام

  • تارام[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇ تارىلىپ ئاققان جاي؛ ئېقىن:[مىسال:] سان-ساناقسىز جىلغا، تاراملاردىن توپلىنىپ ئېقىپ كەلگەن سۇ مۇشۇ ئامبارغا قۇيۇلاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تارىلىپ، ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ ئاققان (سۇ، ياش ھەققىدە):[مىسال:] تىزگىنلەش دېگىنىمىز ئاشۇ تارام سۇنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزىنى توسۇشنى كۆرسىتىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] قاغىدىن سالام دېدىم، قاغا دېدىمۇ سالام. كۆزۈمدىن ئاققان ياشىم، ئايرىلىپ توققۇز تارام. غېرىبلىق يەتتى بىزگە، مېھرىبان جانىم ئانام.

تارام-تارام

  • تارام-تارام[يەشمىسى:] بىرقانچە تارامغا بۆلۈنگەن:[مىسال:] سايدا چاپچىپ، توقايلاردا تەمتىرەپ، كېچىپ ئۆتتى تارام-تارام سۇلارنى. تاغ ئاغزىدىن چىقار جايدا توسالدى، كىملەركىن تۇتۇۋالدى ئۇلارنى.

تاراملاتماق

  • تاراملاتماق[يەشمىسى:] «تاراملىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تاراملاشماق

  • تاراملاشماق[يەشمىسى:] «تاراملىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تاراملىق

  • تاراملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاراملاپ ئاققان؛ تاراملىغان:[مىسال:] تاراملىق جىرالار چىرايلىق بىر باغ، نە باغكى، ئىپارلىق جەننەتنىڭ ئۆزى. شاۋقۇنلار تىنىمسىز ئۇرغۇغان قوشاق، باغرىدا جىمىرلار بۇلاقنىڭ كۆزى.

تاراملىماق

  • تاراملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تارام-تارام بولۇپ چۈشمەك:[مىسال:] [مىسال:] قۇدرەتنىڭ كۆزىدىن مىننەتدارلىق يېشى تاراملاپ تۆكۈلدى.

تارانⅠ

  • تارانⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن تېنى زەھەرلىك بولۇپ، ئات-ئۇلاغلار يەپ سالسا، زەھەرلىنىپ تەلۋە بولۇپ قالىدۇ. دورىغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەست قىلىش، ئاغرىق پەسەيتىش رولى بار. «تەلۋە بېدە» مۇ دېيىلىدۇ.

تارانⅡ

  • تارانⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] خامراق تولانغان شوينا، يىپ.

تارانچى

  • تارانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ⅩⅧ ئەسىردە جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلى رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى.

تاراندۇرماق

  • تاراندۇرماق[يەشمىسى:] «تارانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تارانماق

  • تارانماق[يەشمىسى:] «تارىماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ سۇ ئىسسىتىپ، باش-كۆزىنى پاكىز يۇيۇپ تاراندى.

تاراۋى

  • تاراۋى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] روزا كۈنلىرى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن جامائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان يىگىرمە رەكەتلىك ناماز.

تارايتماق

  • تارايتماق[يەشمىسى:] «تارايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تارايتىشماق

  • تارايتىشماق[يەشمىسى:] «تارايتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تارايتىلماق

  • تارايتىلماق[يەشمىسى:] «تارايتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تارايماق

  • تارايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئېنى، ھەجمى، كۆلىمى كىچىكلىمەك، تارلىماق، يىغىلماق.

تارت

  • تارت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ قاتتىق سىقىلىشى، يېرىلىپ يىرتىلىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.

تار-تاپچۇق

  • تار-تاپچۇق[يەشمىسى:] تار ۋە قىستىلاڭغۇ:[مىسال:] تار-تاپچۇق ئۆي.

تارت-تارت

  • تارت-تارت[يەشمىسى:] «تارت» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

تارت-تۇرت

  • تارت-تۇرت[يەشمىسى:] «تارت» قىلغان ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

تارتقۇⅠ

  • تارتقۇⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇن تاسقايدىغان ئەلگەكنى ئالدى-كەينىگە سىلكىندۈرۈپ ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئەلگەكنىڭ ئاستىغا قويۇلىدىغان ئىككى باشلىق ياغاچ سايمان.

تارتقۇⅡ

  • تارتقۇⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈل، قار، قىغ، ئېتىزنىڭ چالمىسى قاتارلىق نەرسىلەرنى تارتىپ يىغىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، تۆمۈر ياكى ياغاچتىن ياسالغان سايمان.

تارتقۇⅢ

  • تارتقۇⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنى بىر-بىرىگە چېتىپ تۇرۇش ۋە تارتىپ چىڭىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسە:[مىسال:] كېمىنىڭ زەنجىر تارتقۇسى يېشىلدى، پالاق ھەرىكەتكە كەلدى.

تارتقۇچ

  • تارتقۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى ئىلىپ تارتىش، سۆرەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر ياكى ياغاچتىن ياسالغان ئەسۋاب. [يەشمىسى:] ② نەرسىلەرنى بىر-بىرىگە چېتىپ تۇرىدىغان چاتقۇچ.

تارتقۇچلاشماق

  • تارتقۇچلاشماق[يەشمىسى:] «تارتقۇچلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تارتقۇچلانماق

  • تارتقۇچلانماق[يەشمىسى:] «تارتقۇچلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئايۇپ قاتارلىق ھوقۇقدارلار بىرنەچچە سائەت تارتقۇچلانغاندىن كېيىن، كۈرەش ۋاقتىنچە توختىتىلدى.

تارتقۇچلىماق

  • تارتقۇچلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەر تەرەپكە تارتىپ، سىلكىشلىمەك، تارتىپ-تارتىپ قويماق:[مىسال:] ئۇ قۇتلۇقنى تارتقۇچلىغىنىچە، تاشقىرىغا ئېلىپ ماڭدى.

تارتقۇزماق

  • تارتقۇزماق[يەشمىسى:] «تارتماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇن تارتقۇزماق. سۈرەت تارتقۇزماق. شەھەرنى تارتقۇزۇپ قويماق.

تارتقۇلۇق

  • تارتقۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشتىن كەچۈرگەن، كەچۈرۈۋاتقان، كەچۈرىدىغان ئېغىر ئىشلار؛ كەلگۈلۈك:[مىسال:] تارتقۇلۇقنى بىز تارتىۋاتىمىز، ئاتاقنى باشقىلار ئېلىۋاتىدۇ.

تارتماⅠ

  • تارتماⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈستەل، ئىشكاپلارنىڭ تارتىپ چىقىرىدىغان ساندۇقچىلىرى؛ سىيرىتمىسى.

تارتماⅡ

  • تارتماⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇقىرىغا چىقىش، چۈشۈش ئۈچۈن تاش، سېمونت، ياغاچ قاتارلىقلاردىن ياسالغان پەلەمپەي:[مىسال:] 6-ئىشىكتىن ئۆتكەندە رەسمىي ئوردىغا چىقىدىغان قىرىق بىر تاش تارتما بار ئىدى.

تارتماⅢ

  • تارتماⅢ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تارتىدىغان:[مىسال:] تارتما پۇرژىنا. تارتما لىم.

تارتماق

  • تارتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى قول بىلەن تۇتۇپ، ئۆزى تەرەپكە سۆرىمەك ياكى سۆرەشكە ھەرىكەتلەنمەك:[مىسال:] قولىدىن تارتماق. ھېيتئاخۇن ھەنىپەمنىڭ قولىدىن تارتىپ، ئۆيدىن ئاچىقىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② ئارقىسىغا تىركەپ چېتىلغان ياكى قوشۇلغان نەرسىنى، يۈكنى كۈچ بىلەن ئالدىغا سۆرىمەك؛ ئالغا ئىلگىرىلەتمەك:[مىسال:] تاي تىپىرلايدۇ، ھارۋىنى ئات تارتىدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ③ سۇغۇرماق، يۇلماق:[مىسال:] چىش تارتماق.[يەشمىسى:] ④ تىلماق:[مىسال:] شال تارتماق.[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىىملار ئوتتۇرىسىدىكى تارتىش كۈچى ئارقىلىق ئۆز تەۋەسىگە مايىل قىلماق؛ سۆرىمەك:[مىسال:] ماگنىت تۆمۈرنى ئۆزىگە تارتىدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزىگە قاراتماق، جەلپ قىلماق:[مىسال:] سادىقنىڭ دوكلاتى ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.[يەشمىسى:] ⑦ خالىماق:[مىسال:] كۆڭلۈم تاۋۇز تارتىۋاتىدۇ. * يۈرىكىم ساڭا تارتىدۇ.[يەشمىسى:] ⑧ قىلماق؛ ئارتماق، يۈكلىمەك:[مىسال:] سوراققا تارتماق. جازاغا تارتماق. جاۋابكارلىققا تارتماق.[يەشمىسى:] ⑨ ياپماق، قاپلىماق، پۈركىمەك:[مىسال:] نىقاب تارتماق. چۈمپەردە تارتماق.[يەشمىسى:] 01 سۈمۈرمەك، شورىماق:[مىسال:] ناسۇس بىلەن سۇ تارتماق. تاماكا تارتماق.[يەشمىسى:] 11 مېھمانلار ئۈچۈن تەييارلانغان غىزا-تائاملارنى تارقاتماق، قويماق:[مىسال:] ئاش تارتماق.[يەشمىسى:] 21 ئېغىرلىقنى ئۆلچىمەك، جىڭلىماق:[مىسال:] گۆشنى جىڭغا سېلىپ تارتىپ كۆرمەك. ئۈزۈمنى جىڭدا تارتماق.[يەشمىسى:] 31 ئۇزۇن، سوزۇنچاق نەرسىلەرنى بىرەر يۆنىلىشتە ئورناتماق، بېكىتمەك:[مىسال:] ئەخمەققە مەنسەپ تەگسە، قوتانغا زەدىۋال تارتار (ماقال).[يەشمىسى:] 41 سىزىق شەكلىدە ئىز چىقارماق، سىزماق:[مىسال:] زەي تارتماق.[يەشمىسى:] 51 دانلىق ئاشلىقنى تۈگمەندە، زاۋۇتتا يۇمشىتىپ ئۇنغا ئايلاندۇرماق، مايلىق داننى جۇۋاز ياكى زاۋۇتتا ياغقا ئايلاندۇرماق:[مىسال:] دەرۋەقە، ئۆينىڭ ئىچىدە ئايرىم-ئايرىم ئۇن ۋە ياغ تارتىش ماشىنىلىرى ئىشلەپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] 61 ئازايتماق، كېمەيتمەك؛ چەكلەپ قويماق:[مىسال:] مائاشتىن تارتىپ قالماق. كەسپىي خىراجەتتىن پۇل تارتماق.[يەشمىسى:] 71 جىسمانىي تۈزۈلۈش ياكى مەنىۋى جەھەتتىن ئاتا-ئانا ھەم ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ئوخشىماق:[مىسال:] بۇ بالىنىڭ كۆز قاپىقى ئانىسىنى تارتىپتۇ.[يەشمىسى:] 81 بىرەر نەرسىنىڭ شەكلىنى، ئىزناسىنى چىقارماق؛ چۈشۈرمەك:[مىسال:] سۈرەتكە تارتماق.[يەشمىسى:] 91 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر مەسئۇلىيەت ياكى ئىشتىن ئۆزىنى اچۇرماق، سىرتتا تۇرماق:[مىسال:] كۆزۈڭ ئاغرىسا، قولۇڭنى تارت. قورسىقىڭ ئاغرىسا، نەپسىڭنى تارت (ماقال).[يەشمىسى:] 02 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەلۇم زىيان، كۈلپەت، ئازابلىنىش قاتارلىقلارغا ئۇچرىماق؛ مەلۇم قىيىن ئەھۋالدا قالماق:[مىسال:] زىيان تارتماق. ئازاب تارتماق. دەرد تارتماق. يالغۇزچىلىق تارتماق.[يەشمىسى:] 12 ئۆسمەك، سۈرمەك، پېلەكلىمەك:[مىسال:] يىلتىز تارتماق. بوي تارتماق. * يازلىق قوغۇنلار پېلەك تارتتى. بالدۇر تېرىلغان تاۋۇزلار ئۇچ تارتتى.[يەشمىسى:] 22 بەزى سۆزلەرگە قوشۇلۇپ كېلىپ ئۇلارنى پېئىللاشتۇرىدۇ:[مىسال:] قوشۇن تارتماق. سەپ تارتماق.

تارتۇق

  • تارتۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىركىمگە ئىنئام، تەقدىم قىلىنغان نەرسە؛ ھەدىيە، سوۋغا:[مىسال:] تارتۇق قىلماق. * خاننىڭ خىزمەتچىلىرى كۆك يوپۇقلۇق بىر تورۇق ئاتنى ئەكىلىپ، دارۋاز بالىغا تارتۇق قىلدى.

تارتۇقلاتماق

  • تارتۇقلاتماق[يەشمىسى:] «تارتۇقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تارتۇقلاشماق

  • تارتۇقلاشماق[يەشمىسى:] «تارتۇقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تارتۇقلانماق

  • تارتۇقلانماق[يەشمىسى:] «تارتۇقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئابدۇراخمان مۆمىنۇپ ئىستىقلالىيەت ئوردېنى بىلەن تارتۇقلاندى.

تارتۇقلۇق

  • تارتۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تارتۇق، سوۋغات قىلىشقا تەييارلانغان، تارتۇق، سوۋغات ئۈچۈن ئىشلىتىشكە لايىق، باب كېلىدىغان.

تارتۇقلىماق

  • تارتۇقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تارتۇق بەرمەك، تارتۇق قىلماق:[مىسال:] يېڭى بىر يىل ئۇلارنى ئوماق قىز پەرزەنت بىلەن تارتۇقلىدى.

تارتىشتۇرماق

  • تارتىشتۇرماق[يەشمىسى:] ① «تارتىشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سىلكىشلىمەك، سۆرىمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۆزىنى زورلاپ، تارتىشتۇرۇپ ئەكەلگەن زەينەپكىمۇ قورسىقى كۆپەتتى.[يەشمىسى:] ③ پۈكۈلگەن، قورۇلغان نەرسىلەرنى كېرىپ تۈزىمەك:[مىسال:] قورۇلۇپ قالغان ئەلتېرىلەر ئەرزان باھادا سېتىۋېلىنىپ ئارقىسىغا سۇ پۈركىلىدۇ ۋە تارتىشتۇرۇپ كېڭەيتىلىدۇ.

تارتىشماق

  • تارتىشماق[يەشمىسى:] ① «تارتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر كىشى ياكى بىرەر مەقسەتتىن ئۈمىد ئۈزەلمەي قالماق:[مىسال:] ئۇلار ئېھتىمال بالا-چاقىلىرىغا تارتىشقان بولسا كېرەك.[يەشمىسى:] ③ بەس-مۇنازىرە قىلىشماق؛ تالاشماق:[مىسال:] ئۇلار بىر كۈنلۈك مۇنازىرىدە ئۇ ياققا تارتىشىپ، بۇ ياققا تارتىشىپ ئاخىر بىر يەرگە كەلدى.[يەشمىسى:] ④ قورۇلۇپ يىغىلماق، قىسقىراپ، كىرىشىپ كەتمەك؛ قاتماق:[مىسال:] ئادىلنىڭ غەزەپتىن ياڭاق سۆڭىكى تومپىيىپ، مەڭزىدىكى مۇسكۇللار تارتىشىپ كەتكەنىدى.

تارتىشىش

  • تارتىشىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] قول، پۇتنىڭ پەيلىرى چىڭىپ، ئېغىز ۋە كۆز مايماقلىشىپ قالىدىغان كېسەل ئالامىتى. يۇقىرى قىزىتما، كالتىسىي ماددىسى كەملىك، قاتما ۋە تۇتقاق كېسىلى قاتارلىقلاردا بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

تارتىقلىق

  • تارتىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تارتىلغان، تارتىپ قويۇلغان:[مىسال:] تارتىقلىق يىپ.

تارتىلداتماق

  • تارتىلداتماق[يەشمىسى:] «تارتىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تارتىلداشماق

  • تارتىلداشماق[يەشمىسى:] «تارتىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تارتىلدىماق

  • تارتىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «تارت-تارت» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «تارت-تارت» قىلماق.

تارتىلماق

  • تارتىلماق[يەشمىسى:] ① «تارتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] چوڭ تەيجىبەگنىڭ ئاشلىقىمۇ تارتىلىپ بولدى.[مىسال:]  ئۇ ھېلىقى ئالىتوپىلاڭ يىللىرىدا ئادەم ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن جازاغا تارتىلدى.[يەشمىسى:] ② ئازايماق، يېرىملىماق:[مىسال:] ئېرىق-ئۆستەڭلەرنىڭ سۈيى تارتىلدى.[يەشمىسى:] ③ ئورۇقلىماق:[مىسال:] مەرھابا بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلى تارتىلىپ قالدى.

تارتىم

  • تارتىم[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىڭ، گىرلاردا بىر قېتىم تارتىشقا بولىدىغان ئېغىرلىقتىكى نەرسە، يۈك:[مىسال:] تاۋۇزلار يوغان بىر سېۋەتكە سېلىنىپ جىڭلاندى. ھەر تارتىمى بىر كىشىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر تارتىمى ئالتە مىشكاپ، دېدى ئاسىم.

تارتىملىق

  • تارتىملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان؛ يېقىملىق:[مىسال:] تارتىملىق ئاۋاز. * بۇ مەنزىرە بەكمۇ گۈزەل، بەكمۇ تارتىملىق ئىدى.

تارتىنچاق

  • تارتىنچاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلاردىن ئۇيىلىپ، ئەيمىنىپ، ئۆزىنى تارتىدىغان؛ ئۇياتچان:[مىسال:] تارتىنچاق قىز. * گۈلپەرى گۈزەل، جىمغۇر، تارتىنچاق ۋە ھايالىق قىز ئىدى.

تارتىنچاقلىق

  • تارتىنچاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تارتىنىش، ئۇياتچانلىق:[مىسال:] ئوقۇتقۇچى ئىشارەت قىلغان ئورۇندۇققا ئادىل تولىمۇ تارتىنچاقلىق بىلەن كېلىپ ئولتۇردى.

تارتىنماق

  • تارتىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۇيالماق، ئەيمەنمەك:[مىسال:] مودەنگۈل بىلەن ئىككىمىز تارتىنىپ ئولتۇراتتۇق.

تارتىنىشماق

  • تارتىنىشماق[يەشمىسى:] «تارتىنماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تارچۇق

  • تارچۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىككى ئېگىزلىك ياكى ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىدىكى ئېنى تار بوشلۇق، جاي:[مىسال:] ئۇ تۈرمە تۆشۈكىدىن ئاستا ئارقىدىكى تارچۇققا چىقتى.

تارچۆپ

  • تارچۆپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تار+چۆپ[[يەشمىسى:] كۆنچىلىك كەسپىدە، سۇدا يۇمشىتىلغان تېرىنى ئارتىپ يېيىپ قويىدىغان سايمان.

تارچىلىق

  • تارچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىستاڭ، تار ھالەت:[مىسال:] بۇ يەر بىزگە تارچىلىق قىلدى.

تارخان

  • تارخان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئالۋان-ياساق، سېلىق ۋە ھەر خىل مەجبۇرىيەتلەردىن ئازاد قىلىنغان ئىمتىيازلىق قەبىلە، كىشى ياكى مەنسەپدار.

تارس

  • تارس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرنەرسىنىڭ ئىككىنچى نەرسىگە ئۇرۇلۇشىدىن ياكى ئۈزۈلۈشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] «تارس» قىلىپ تەگكەن قامچا ئۇنىڭ پېشانىسىنى يېرىۋەتتى.

تارس-تارس

  • تارس-تارس[يەشمىسى:] «تارس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

تارس-تۇرس

  • تارس-تۇرس[يەشمىسى:] «تارس» قىلغان ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

تارسسىدە

  • تارسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «تارس» قىلغان ھالدا، «تارس» قىلىپ:[مىسال:] تارسسىدە ئاۋاز چىقارماق.

تارسىلداتماق

  • تارسىلداتماق[يەشمىسى:] «تارسىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ قامچىسىنى تارسىلدىتىپ، ئاتلارنى تېخىمۇ ئىتتىكلەتتى.

تارسىلداشماق

  • تارسىلداشماق[يەشمىسى:] «تارسىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تارسىلدىماق

  • تارسىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «تارس» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] ھارۋىدا تېز كېلىمىز، موڭغۇلكۈرە يولىدا. تارسىلدايدۇ قامچىسى، ھارۋىكەشنىڭ قولىدا.

تارغاق

  • تارغاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاچ، موي تاراش ئۈچۈن ياغاچ، ئۇستىخان ۋە شۇ خىلدىكى نەرسىلەردىن ياسالغان بۇيۇم:[مىسال:] ياغاچ تارغاق. ئۇستىخان تارغاق.

تارغاقچى

  • تارغاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تارغاق، سۈزگۈچ قاتارلىق نەرسىلەرنى ياسايدىغان ۋە ساتىدىغان ئادەم.

تارغاق-سۈزگۈچ

  • تارغاق-سۈزگۈچ[يەشمىسى:] تارغاق ۋە شۇ خىلدىكى نەرسىلەر.

تارغاقسىمان

  • تارغاقسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تارغاققا ئوخشايدىغان، تارغاق شەكلىدىكى:[مىسال:] گىلەم توقۇشتا، ئارقاققا ئۆتكۈزۈلگەن يۇڭ يىپنى تارغاقسىمان تۆمۈر ئەسۋاب بىلەن چىڭدايدۇ.

تارقاتماق

  • تارقاتماق[يەشمىسى:] «تارقىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئاشۇ كۈنى جەڭچىلەرگە ئەخمەت ئەپەندىم ئۆز قولى بىلەن يېڭى ئۆتۈك تارقاتتى.

تارقاشماق

  • تارقاشماق[يەشمىسى:] «تارقىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆگىنىش ۋە مۇزاكىرە ئاخىرلىشىپ، ھەممەيلەن ئۆيلىرىگە تارقاشتى.

تارقاق

  • تارقاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [يەشمىسى:] ① ئايرىم-ئايرىم چېچىلغان، بىر-بىرىدىن يىراق؛ بىرى ئۇ يەردە، بىرى بۇ يەردە:[مىسال:] تاغ ئاستىدىكى بۇ كىچىككىنە يېزىنىڭ تارقاق مەھەللىلىرى قار بىلەن چۈمكەلگەن ئىدى. ∥ چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرى بەكمۇ تارقاق كېلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆملەشمىگەن، چېچىلاڭغۇ، ئۇيۇشمىغان:[مىسال:] بىزنىڭ سانىمىز ناھايىتى كۆپ، ئەمما بەكمۇ تارقاق بولۇپ قالدۇق.

تارقاقلاشتۇرماق

  • تارقاقلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «تارقاقلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن شەھەر ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرغاندا يېزىغا كەتتىم.

تارقاقلاشتۇرۇشماق

  • تارقاقلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «تارقاقلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تارقاقلاشتۇرۇلماق

  • تارقاقلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تارقاقلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ شورلۇق ئائىلىسىمۇ ئىككى ئاي ئىلگىرى نەگىدۇر تارقاقلاشتۇرۇلۇپتۇ.

تارقاقلاشماق

  • تارقاقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تارقىلىپ كەتمەك، تەرەپ-تەرەپكە ئايرىلماق؛ چېچىلماق:[مىسال:] تارقاقلىشىپ ياشىماق.

تارقاقلىق

  • تارقاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تارقاق ھالەت.

تارقالماق

  • تارقالماق[يەشمىسى:] «تارقىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ دائىرىدە سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تارقىلىشى كۆپ ۋە ئۆسۈشى ياخشى بولغان.

تارقىتىلماق

  • تارقىتىلماق[يەشمىسى:] «تارقاتماق» پېئىلنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ دەرسلىك شۇ يىلىلا پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە تارقىتىلدى.

تارقىلىشچان

  • تارقىلىشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېز تارقىلىدىغان، تارقىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە:[مىسال:] تارقىلىشچان ۋىرۇس. تارقىلىشچان زۇكام.

تارقىلىشچانلىق

  • تارقىلىشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تارقىلىش خۇسۇسىيىتى، تارقىلىش ھالىتى:[مىسال:] تارقىلىشچانلىقى تېز كېسەللىكلەر.

تارقىماق

  • تارقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① بىر ئورۇندىن، بىر توپتىن ھەر تەرەپكە قاراپ قوزغالماق؛ كەتمەك:[مىسال:] باشقىلارمۇ ئۆز چېدىر-گەمىلىرىگە قاراپ تارقىدى.[يەشمىسى:] ② يېتىپ كەلمەك، قۇلاقتىن-قۇلاققا ئاڭلانماق:[مىسال:] شۇ ئارىلىقتا يەنە يېڭى خەۋەر تارقىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەسىرى كەتمەك، كۆڭۈلدىن كۆتۈرۈلمەك؛ يوقالماق:[مىسال:] باشتىكى غەم تارقىماق.[يەشمىسى:] ④ يېيىلماق، ئۇلغايماق، ئاشماق:[مىسال:] جىگەر كېسىلى تارقاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

تارلاتماق

  • تارلاتماق[يەشمىسى:] «تارلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تارلاشتۇرماق

  • تارلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «تارلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] − مەنسەپ بېرىپ، ئۆيۈمنى تارلاشتۇرۇپ قويدىڭىز! − دېدى ئەپەندىم.

تارلاشتۇرۇشماق

  • تارلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «تارلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تارلاشتۇرۇلماق

  • تارلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تارلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تارلاشماق

  • تارلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «تارلىماق»قا قاراڭ:[مىسال:] يول بارغانسېرى تارلىشىپ كەتتى.

تارلاڭ

  • تارلاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاغ جىلغىلىرىدىكى ئىككى تەرىپى تىك كۆتۈرۈلگەن قىستاڭ جاي.

تارلىقⅠ

  • تارلىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تارلىشىش، تار ھالەت:[مىسال:] ئۆي تارلىقىدىن كۆڭۈل تارلىقى يامان(ماقال).

تارلىقⅡ

  • تارلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تارى بار، تار سېلىنغان:[مىسال:] تارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى.[يەشمىسى:] ② تار قىلىنىدىغان، تار قىلىشقا باب:[مىسال:] تارلىق ئۈچەي. تارلىق پولات سىم.

تارلىماق

  • تارلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئېنى قىسقىراپ يىغىلماق؛ كىچىكلىمەك:[مىسال:] يول تارلىماق.

تارمار

  • تارمار[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «بولماق، قىلماق، ئەيلىمەك» پېئىللىرى بىلەن بىللە كېلىپ «مەغلۇپ، ھالاك» مەنىلىرىنى بېرىدۇ:[مىسال:] تارمار قىلماق. تارمار بولماق. تارمار ئەيلىمەك.

تارماق

  • تارماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① ئاساسىي يول، سۇ ئېقىنلىرى ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئاجرىلىپ چىققان قىسمى؛ بۆلىكى، شاخچە:[مىسال:] نەچچە ئون مو يەرنى ئۆز قوينىغا ئالغان باغ بىرقانچە ئالاھىدە تارماققا بۆلۈنگەن.∥ تارماق ئۆستەڭ.[يەشمىسى:] ② تەشكىلات ياكى بىرلەشمىلەرنىڭ بۆلەكلىرى:[مىسال:] مۇلازىمەت تارماقلىرى. مائارىپ تارماقلىرى.

تارماقلاتماق

  • تارماقلاتماق[يەشمىسى:] «تارماقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تارماقلانماق

  • تارماقلانماق[يەشمىسى:] «تارماقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تارماقلىق

  • تارماقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تارمىقى بار، تارماقلانغان، بىر ياكى بىرقانچە تارماققا بۆلۈنگەن:[مىسال:] كۆپ تارماقلىق غول ئۆستەڭ.

تارماقلىماق

  • تارماقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تارماقلارغا بۆلمەك، تارماق-تارماق، بۆلەك-بۆلەك قىلىپ ئايرىماق.

تارىخ

  • تارىخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانى ۋە بۇ جەرياندا بارلىققا كەلگەن ۋەقەلىك، ئەمەلىيەت، پاكىت:[مىسال:] ئۆز ۋاقتىدىكى ئاشۇنداق ئاددىي نەرسىلەر زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قىممەتلىك تارىخ بولۇپ قالىدۇ.[يەشمىسى:] ② بىرەر ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ، نەرسىلەرنىڭ ئىزچىل تەرەققىيات يولى:[مىسال:] ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى. سەنئەت تارىخى.[يەشمىسى:] ③ جەمئىيەت تەرەققىياتى ھەققىدىكى پەن:[مىسال:] سوتسىيالىزم تارىخى.[يەشمىسى:] ④ شەخسلەرنىڭ سەرگۈزەشتى، تەرجىمىھالى:[مىسال:] مېنىڭ تارىخىم ئاساسەن ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت.

تارىخچى

  • تارىخچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «تارىخشۇناس»قا قاراڭ.

تارىخچىلىق

  • تارىخچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «تارىخشۇناسلىق»قا قاراڭ.

تارىخشۇناس

  • تارىخشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] تارىخ ئىلمى بىلەن شۇغۇللانغۇچى مۇتەخەسسىس؛ تارىخچى.

تارىخشۇناسلىق

  • تارىخشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىنسانلار تارىخىنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان ئىلىم.

تارىخىي

  • تارىخىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تارىختا ساقلىنىدىغان، تارىخقا كىرگۈزۈلگەن:[مىسال:] تارىخىي ۋەقە. تارىخىي پاكىت.[يەشمىسى:] ② تارىخ پېنىگە ئائىت، بىرەر ساھەنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىدىغان:[مىسال:] تارىخىي گرامماتىكا.[يەشمىسى:] ③ ئۆتمۈشكە، تارىخقا ئائىت، قەدىمكى، كونا:[مىسال:] تارىخىي كىتاب. تارىخىي يادىكارلىق.

تارىخىيلىق

  • تارىخىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تارىخقا مەنسۇپلۇق:[مىسال:] ئۆرپ-ئادەت تارىخىيلىققا، ئەنئەنىۋىلىككە ئىگە بولىدۇ.

تارىشا

  • تارىشا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ياغاچ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ نېپىز قىلىپ تىلىنغان، يونۇلغان پارچىلىرى:[مىسال:] تارىشا قىلماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئورۇق، جۈدەڭگۈ:[مىسال:] ئەمەت تارىشا.

تارىشىسىمان

  • تارىشىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تارىشىغا ئوخشايدىغان، تارىشا شەكلىدىكى، تارىشىدەك:[مىسال:] تارىشىسىمان قۇرۇلما.

تارىشىلانماق

  • تارىشىلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تارىشا ھالەتكە كەلمەك، تارىشا قىلىنماق:[مىسال:] تارىشىلانغان ياغاچ.

تارىقاي

  • تارىقاي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دانىمۇدانە، شالاڭ:[مىسال:] تارىقاي زىرائەت.

تارىماقⅠ

  • تارىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تارغاق ياكى شۇ خىلدىكى نەرسە بىلەن چاچ، ساقال ۋە شۇ قاتارلىقنىڭ چىگىكىنى يەشمەك؛ تالمۇتال، دانىمۇدانە قىلماق، تەكشىلىمەك:[مىسال:] بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، باش تارىغان بىلەن خوتۇن (ماقال).

تارىماقⅡ

  • تارىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① توپتىن ئايرىلماق؛ چېچىلماق، تارقىماق:[مىسال:] مەشرەپتىن يانغان كىشىلەر ئۆي-ئۆيلىرىگە تارىماقتا ئىدى.[يەشمىسى:] ② يېيىلماق، كېڭەيمەك، تارقالماق:[مىسال:] ئىشخانا ئىچىگە توخۇ گۆشى پۇرىقى تارىدى.[يەشمىسى:] ③ سىڭىشىپ كەتمەك، يوقالماق:[مىسال:] ئۇنىڭ مەسلىكىمۇ تاراپ، كاللىسى نورمال ئىشلەشكە باشلىدى.

تارىمۇش

  • تارىمۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئاق رەڭلىك، تاسمىسىمان بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما. مەزمۇت ۋە ئەۋرىشىم بولۇپ، سۆڭەكنى سۆڭەككە تۇتاشتۇرۇپ، بەدەن ئىچىدىكى جىگەر، تال، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنى مۇقىملاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. [يەشمىسى:] ② قاتقان پەي، پاتاڭ:[مىسال:] موماي بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ تارىمۇشتەك قاتقان ئىنچىكە قوللىرىنى ئوغلىغا ئۇزاتتى.

تاز

  • تاز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بېشى تەمرەتكە بىلەن جاراھەتلىنىپ چاچ چىقمىغان؛ ئايپاڭ، تاقىر:[مىسال:] ئېشىمنى ئاز دېمەڭ، بېشىمنى تاز دېمەڭ (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۈڭگۈز چىقمىغان، مۈڭگۈزسىز:[مىسال:] بىرچاغلاردا، بىر دانە تاز ئوغلاقنى ئېلىپ ساتماقمۇ ئىنتايىن مۈشكۈل ئىدى.

تېزىنى باسسا، مېزى چىقماق

  • تېزىنى باسسا، مېزى چىقماق[يەشمىسى:] بىر تەرىپىنى يوشۇرسا، يەنە بىر تەرىپى چۇۋۇلماق.

تازاⅠ

  • تازاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كىر ئەمەس، چاڭ قونمىغان، كىر ۋە توپا-تۇماندىن خالىي؛ پاكىز:[مىسال:] تازا كىيىم. تازا رەخت.[يەشمىسى:] ② ئەسلىسى بويىچە، ئارىلاشما ئەمەس؛ ساپ:[مىسال:] تازا مال. تازا ئالتۇن.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بۇلغانمىغان، داغ چۈشمىگەن؛ ساپ، پاك:[مىسال:] يىگىتنىڭ كۆز قىرىدا مۇنداقلا قاراپ قويۇشى بۇ سەبىي قىزنىڭ تازا قەلبىنى دولقۇنلىتىۋەتتى.

تازاⅡ

  • تازاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [يەشمىسى:] ① راسا، ئىنتايىن، ناھايىتى:[مىسال:] ئۆزىنىڭ ئىززەت نەپسىگە تېگىۋاتقان مۇئامىلە ۋە گەپلەر ۋاڭنىڭ تازا ئاچچىقىنى كەلتۈردى.[يەشمىسى:] ② توپتوغرا، دەلمۇدەل، ئۇدۇلمۇئۇدۇل:[مىسال:] تازا چۈش ۋاقتى چىقتى بىر چۇقان، توختىدى بارلىق ماڭغان ھەم تۇرغان.

تازىلاتماق

  • تازىلاتماق[يەشمىسى:] «تازىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئۇتتۇر كەلگەن شەھەر ئاھالىسىنى تۇتۇۋېلىپ، دەڭ-سارايلارنى تازىلىتاتتى.

تازىلاشماق

  • تازىلاشماق[يەشمىسى:] «تازىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلار قار توختاش بىلەن تەڭلا مەكتەپ مەيدانىنى تازىلاشتى.

تازىلانماق

  • تازىلانماق[يەشمىسى:] ① «تازىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سەل ساقلاپ تۇرۇڭ، باش-كۆزۈمنى يۇيۇپ تازىلىنىۋالاي، ئاندىن بىللە بارايلى.[يەشمىسى:] ② «تازىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ تارقاتقان زەھىرى تېخى تولۇق تازىلىنىپ بولغىنى يوق.

تازىلىق

  • تازىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تازا ھالەت ۋە ئاشۇنداق ھالەتكە كەلتۈرۈش ئىشى:[مىسال:] تازىلىق قىلماق.* قوشماق ئاكا دەم ئېلىش كۈنلىرى بالىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تازىلىق قىلىشقا ئادەتلەندۈرگەنىدى.

تازىلىماق

  • تازىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تازا ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] كىيىمنى تازىلىماق. مۇھىتنى بۇلغىنىشتىن تازىلىماق.

تاسⅠ

  • تاسⅠ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] جۈملىدە مەلۇم ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئەمەلگە ئاشاي دەپ، ئەمەلگە ئاشماي قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] سىزنىڭ كېلىشىڭىزدىن خەۋىرىم بولمىغاچقا تاس كېتىپ قالىدىكەنمەن.

تاس قالماق

  • تاس قالماق[يەشمىسى:] قىل قالماق:[مىسال:] يىقىلغىلى تاس قالدىم.

تاسⅡ

  • تاسⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرنەرسىنىڭ يەنە بىرنەرسىگە ئۇرۇلۇش ياكى بىرنەرسىنىڭ ئۈزۈلۈشىدىن پەيدا بولغان ئاۋاز:[مىسال:] دۇتارنىڭ تارىسى «تاس» قىلىپ ئۈزۈلۈپ كەتتى.

تاسادىپ

  • تاسادىپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۇشتۇمتۇت، ئويلىمىغان يەردىن، تاسادىپىي:[مىسال:] شەمشەرىخان ئاچا ھازىرغىچە مۇشۇنداق تاسادىپ كەلگەن كىشىلەردىن نەچچە ئوننى كۈتۈۋالغان.

تاسادىپەن

  • تاسادىپەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كۈتۈلمىگەن ھالدا، بىردىنلا، قەستەن، تاسادىپىي رەۋىشتە:[مىسال:] تاسادىپەن ئۇچرىشىپ قالماق.

تاسادىپىي

  • تاسادىپىي[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈتۈلمىگەن، توساتتىن يۈز بەرگەن؛ ئۇشتۇمتۇت:[مىسال:] تاسادىپىي ھادىسە. تاسادىپىي ۋەقە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] سەۋەبى نامەلۇم، سەۋەبسىز:[مىسال:] تاسادىپىي ئۆزگىرىش.

تاسادىپىيلىق

  • تاسادىپىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۈز بېرىشى تاسادىپىي بولغان ئىش، ھالەت:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ ۋاقىتتا كېلىشى ھەقىقەتەن بىر تاسادىپىيلىق بولدى.

تاس-تاس

  • تاس-تاس[يەشمىسى:] «تاسⅠ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئو يىغلىۋەتكىلى تاس-تاس قالدى.

تاس-تاماس

  • تاس-تاماس[يەشمىسى:] «تاسⅠ»غا قاراڭ.

تاس-تۇس

  • تاس-تۇس[يەشمىسى:] «تاس» قىلغان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋازلار:[مىسال:] ئاچچىقىمغا پايلىماي «تاس-تۇس»قىلىپ شاپالاقلىۋەتتىم.

تاسسىدە

  • تاسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «تاس» قىلىپ، «تاس» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئاسىيە تاسسىدە قىلغان قاتتىق ئاۋازنى ئاڭلاپ شاققىدە ئورنىدىن تۇردى.

تاسقاتماق

  • تاسقاتماق[يەشمىسى:] «تاسقىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇن تاسقاتماق. شېغىل تاسقاتماق.

تاسقاشماق

  • تاسقاشماق[يەشمىسى:] «تاسقىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شېغىل تاسقىشىۋاتقان كىشىلەر يامغۇر تېمشىشقا باشلىغاندىلا ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

تاسقاق

  • تاسقاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [يەشمىسى:] ① تاسقالغان، تاسقىلىپ بولغان.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قالايمىقان، پاراكەندە، مالىمان.

تاسقاقچىلىق

  • تاسقاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىلەرگە، يۇرت خەلقىگە سېلىنغان ئېغىرچىلىق؛ قالايمىقانچىلىق، پاراكەندىچىلىك:[مىسال:] بېگىمنىڭ ئاچچىقى كېلىپ پۈتۈن يۇرتقا تاسقاقچىلىق سالسا قانداق قىلىمىز دېدى ئاۋۇت.

تاسقاقسىز

  • تاسقاقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاسقىمىغان، تاسقالمىغان:[مىسال:] تاسقاقسىز ئۇن. تاسقاقسىز شېغىل.

تاسقاقلىق

  • تاسقاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاسقالغان، تاسقاپ قويۇلغان:[مىسال:] تاسقاقلىق ئۇن. تاسقاقلىق شېغىل.

تاسقالماق

  • تاسقالماق[يەشمىسى:] «تاسقىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بىر كۈندە ئون توننا قۇم تاسقالدى.

تاسقام

  • تاسقام[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاسقالغان ياكى تاسقىلىنىدىغان نەرسە:[مىسال:] بوۋاي بۇغداينىڭ دەسلەپكى تاسقىمىنى تارتىۋىدى، سەككىز جىڭ چىقتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، مىقدارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر تاسقام بۇغداي. ئىككى تاسقام ئۇن.

تاسقىماق

  • تاسقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئاشلىق ۋە شۇ خىلدىكى پارچىلانغان ئۇۋاق نەرسىلەرنىڭ يۇمشاق، يىرىكلىرىنى ئۆتكەمە، غەلۋىر، ئەلگەك قاتارلىق نەرسىلەر ئارقىلىق ئايرىماق؛ ئۆتكۈزمەك:[مىسال:] بىكار بولساڭ كېپەك تاسقاپ يە (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىردە ئالدىغا، بىردە ئارقىسىغا سۈرمەك، ئوڭ-سول، ئالدى-ئارقىغا ئۇرۇلماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تاللاپ ئايرىپ چىقماق؛ ئىلغىماق:[مىسال:] جامائەت تاسقاپ كۆرۈپ، ئەزىمەتنى كەنت دېھقانلار جەمئىيىتىگە رەئىس قىلىپ سايلىدى.

تاسما

  • تاسما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھايۋاناتنىڭ تېرىسىدىن تىلىنىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن بۇيۇم:[مىسال:] تاسما تىلماق. تاسما بەلۋاغ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاسمىغا ئوخشايدىغان، تار ۋە ئۇزۇن:[مىسال:] تاسما ھەرە.

تاسمىبېلىق

  • تاسمىبېلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاسما+بېلىق[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بېلىقنىڭ بىر خىلى، تەن شەكلى ئۇزۇن ھەم ياپىلاق بولۇپ، خۇرۇم بەلۋاغقا ئوخشايدۇ. كۈمۈش رەڭ، پۈتۈن تېنى سىلىق بولۇپ، قاسىرىقى بولمايدۇ. ئادەتتە كۆپلەپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

تاسمىچى

  • تاسمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاسما تىلىش، تاسما ئىشلەش، تاسما سېتىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى.

تاسمىچىلىق

  • تاسمىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاسما تىلىش، تاسما پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئۇنى سېتىش ئىشى، كەسپى.

تاسمىسىمان

  • تاسمىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاسمىغا ئوخشاش، تاسمىدەك.

تاسمىلىق

  • تاسمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [يەشمىسى:] ① تاسمىسى بار، تاسما بېكىتىلگەن:[مىسال:] تاسمىلىق چاق. [يەشمىسى:] ② تاسما ئۈچۈن تەييارلانغان:[مىسال:] تاسمىلىق تېرە.

تاشⅠ

  • تاشⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياكى بىر پۈتۈن ئۇيۇل ھالەتتە ئۇچرايدىغان، سۇ كار قىلمايدىغان قاتتىق تاغ جىنسلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى:[مىسال:] تاشنى سوقسا قۇم بولۇر، تۆمۈرنى سوقسا قىل بولۇر (ماقال).[يەشمىسى:] ② كېسەللىك سەۋەبىدىن ئادەم ئورگانىزمىدا ھاسىل بولىدىغان قاتتىق ماددا؛ قېتىشما:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۆتىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ بىرمۇنچە تاشنى ئېلىۋەتتى.[يەشمىسى:] ③ جىڭ، گىرگە ئوخشاش سايمانلارنىڭ ھەر خىل شەكىل ۋە ھەر خىل چوڭلۇقتىكى قادىقى:[مىسال:] جىڭ تېشى. تارازا تېشى.[يەشمىسى:] ④ سائەت مېخانىزملىرىنى تارتىش كۈچى ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئېغىرتقۇ:[مىسال:] سائەت تېشى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاتتىق، مېھىر-شەپقىتى يوق:[مىسال:] تاش يۈرەك ئادەم. باغرى تاش ئاتا.[يەشمىسى:] ⑥ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

تاشتىن ياغ چىقىرىدىغان

  • تاشتىن ياغ چىقىرىدىغان[يەشمىسى:] نەپ بەرمەيدىغان؛ ئۆتۈپ كەتكەن بېخىل، پىخسىق.

تاش چۈشكەن يېرىدە ئەزىز

  • تاش چۈشكەن يېرىدە ئەزىز[يەشمىسى:] ھەر كىم ئۆز ئۆيى، ئۆز يۇرتى، ئۆز ۋەتىنىدە؛ ھەر نەرسە ئۆز جايىدا قەدىر-قىممەتلىك.

تاش چىشلىۋالغاندەك

  • تاش چىشلىۋالغاندەك[يەشمىسى:] ئۈن-تىنسىز، جىم؛ پوزىتسىيە بىلدۈرمەي، گەپ قىلماي:[مىسال:] تىللاخان تاش چىشلىۋالغاندەك ئولتۇراتتى.

تاشنى تاياققا تاڭماق

  • تاشنى تاياققا تاڭماق[يەشمىسى:] بىركىمنىڭ كۆڭۈل مايىللىقى، ئىختىيارلىقىغا قارىماي، بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى قىلىشقا زورلىماق، مەجبۇرلىماق:[مىسال:] ئەمەت بىلەن ئايخاننى قوشۇپ قويساق، تاشنى تاياققا تاڭغاندەكلا ئىش بولىدۇ.

تاش يەپ، قۇم چىقىرىدىغان

  • تاش يەپ، قۇم چىقىرىدىغان[يەشمىسى:] ئاشقازىنىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ساغلام، قابىل:[مىسال:] ئادەم ياش ۋاقتىدا تاش يەپ قۇم چىقىرىدۇ، لېكىن قېرىغاندا تاماقنى ئەھۋالغا قاراپ يېمىسە بولمايدۇ.

تاشⅡ

  • تاشⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىچىگە، ئىچكىرىگە نىسبەتەن سىرت؛ تالا:[مىسال:] ئايخان ئوردىنىڭ تېشىدا ئېرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ دېرىزە تۈۋىگە كەپتۇ-دە، ئېرىنى كۆرۈش بىلەن خۇشاللىقى ئىچ-ئىچىگە سىغماي كېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىنى ئوراپ تۇرغان قىسمى، تاشقى تەرىپى:[مىسال:] يوتقان تېشى. كىتابنىڭ تېشى.

تاش گۆر

  • تاش گۆر[يەشمىسى:] گۆرنىڭ ئالدىغا كولانغان ۋە ئۆلۈك قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن تىندۈرۋېتىلىدىغان گۆر.

تاشا

  • تاشا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سىرت، باشقا.

تاشايىن

  • تاشايىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سىرت، تاشقىرى:[مىسال:] ئۇ تۆت-بەش يىلدىن بېرى ئۆينىڭ تاشايىنىغا چىقىپ باقمىدى.

تاشئالما

  • تاشئالما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاش+ئالما[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① يوپۇرماق تاشلايدىغان كىچىك دەرەخ. مېۋىسى شار شەكىلدە، سېرىق ياكى قىزىل بولىدۇ؛ تەمى چۈچۈمەل. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

تاشئەينەك

  • تاشئەينەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاش+ئەينەك[[يەشمىسى:] قېلىن ئەينەك تاختا.

تاشبۈرگۈن

  • تاشبۈرگۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاش+بۈرگۈن[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] لويلا ئائىلىسىدىكى توپلىشىپ ئۆسىدىغان كىچىك چاتقال. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ. ئىسسىقنى قايتۇرۇش، زەھەرنى تارقىتىش رولى بار.

تاشپاختا

  • تاشپاختا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاش+پاختا[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] تالاسىمان مىنېرال. تەركىبى ماگنىي، تۆمۈر قاتارلىقلارنىڭ سىلىكاتلىرىدىن ئىبارەت؛ تالالىرى يۇمشاق، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە چىرىتىشكە چىداملىق.

تاشپاقا

  • تاشپاقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاش+پاقا[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۆرەلگۈچى ھايۋان، تېنى ياپىلاق ۋە سوقىچاق كېلىدۇ؛ قاتتىق قېپى بولىدۇ؛ بارماقلىرىدا ئۈزۈش پەردىسى بولۇپ، سۇ ئۈزەلەيدۇ؛ بېشى، قۇيرۇق ۋە تۆت پۇتىنى قېپى ئىچىگە يىغالايدۇ.

تاشپۇرچاق

  • تاشپۇرچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاش+پۇرچاق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چاتقال. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ، ئىسسىقنى ياندۇرۇش، زەھەرنى قايتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش ۋە قەۋزىيەتنى بوشىتىش رولى بار.

تاشتەرمەك

  • تاشتەرمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاش+تەرمەك[[يەشمىسى:] قىزلارنىڭ بىر خىل ئويۇنى. ئۆرۈكنىڭ ئۇرۇقچىسىدەك بەش دانە يۇمىلاق تاش بىلەن ئوينىلىدۇ.

تاش-تۇپراق

  • تاش-تۇپراق[يەشمىسى:] تاش، توپا ۋە ياكى شۇ خىلدىكى نەرسىلەر:[مىسال:] ئۇ بۇ زىرائەتلەرگە قاراپ: ئىلاھىم، ئاسماندىن تاش-تۇپراق يېغىپ پۈتۈن تېرىغان-تىككەنلىرى قۇرۇپ كەتسە دېدى ئۇ ئىچى قارىلىق بىلەن.

تاشتۇرماق

  • تاشتۇرماق[يەشمىسى:] «تاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] رەھىمسىز ئازابلاشلار ئۇنىڭ سەۋر كاسىسىنى نەچچە قېتىم دولقۇنلىتىپ، نەچچە قېتىم تاشتۇرۇۋەتتى.

تاشتۈز

  • تاشتۈز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاش+تۇز[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يەر پوستىغا چۆكۈپ قەۋەتلەنگەن تۇز.

تاشتۈلەك

  • تاشتۈلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاش+تۈلەك[[يەشمىسى:] ئىككى قېتىم تۈلىگەن قۇش (بۈركۈت، قارچىغا، لاچىن قاتارلىق قۇشلار ھەققىدە).

تاشتىراش

  • تاشتىراش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاشنى يونۇپ، كېسىپ سىلىقلايدىغان ۋە ھەر خىل شەكىلگە كەلتۈرىدىغان ئۇستا؛ تاشچى.

تاشچاي

  • تاشچاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاش+چاي[[يەشمىسى:] پرېسلىنىپ قاتتىق قاتۇرۇلغان، تاختىلانغان چاي.

تاشچېچەك

  • تاشچېچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاش+چېچەك[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قورام تاشلارنىڭ ئۈستىگە يېپىشىپ ئۆسىدىغان، يالغان يىلتىزلىق، شەكلى پلاستىنكىغا ئوخشايدىغان ۋە ئۈستىدە ئېگىز-پەس قالايمىقان پۈرمە قورۇقلىرى بولغان بىر خىل ئۆسۈملۈك. بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ھەممە يېرى دورا قىلىنىدۇ، تەمى تاتلىق بولۇپ، ئىسسىققا مايىل، زەھەرسىز؛ قاننى قۈۋۋەتلەندۈرۈپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ. مەنىينى كۆپەيتىدۇ، ئاجىزلىقنى تۈگىتىپ، پەي ۋە سۆڭەكلەرنى كۈچلەندۈرىدۇ، تۈگۈنلەرنى يېشىدۇ.

تاشچى

  • تاشچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاش قېزىش، تاشتىن ھەر خىل بويۇملارنى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم.

تاشچىلىق

  • تاشچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاش قېزىش، سۈزۈش ۋە تاشتىن ھەر خىل بۇيۇملارنى ياساش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] تاشچىلىق قىلماق.

تاشچىۋىنى

  • تاشچىۋىنى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاش+چىۋىن+ى[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاجىز قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ھاشاراتلارنىڭ ئادەتتىكىچە ئاتىلىشى.

تاشسامساق

  • تاشسامساق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاش+سامساق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تاشسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى ۋە تەڭگىچە غولى دورا قىلىنىدۇ، بەلغەم بوشىتىش، قۇستۇرۇش ۋە ئىششىقنى ياندۇرۇش رولىغا ئىگە.

تاشسىز

  • تاشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېشى يوق، تاش قىلىنمىغان، تاشقا تارتىلمىغان:[مىسال:] تاشسىز جۇۋا.

تاشسىمان

  • تاشسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاشقا ئوخشاش، تاشتەك.

تاشقورچاق

  • تاشقورچاق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈرلۈك جانلىقلارغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان، كىچىك بالىلار ئوينايدىغان ھەر خىل ئويۇنچۇقلارنىڭ ئومۇمىي نامى. ئادەتتە مەخسۇس زاۋۇتلاردا ياسالغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چىرايلىق، ئوماق، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان (كىچىك بالىلارنى سۈپەتلەپ ئېيتىلىدۇ).

تاشقى

  • تاشقى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ سىرتقى تەرىپىدىكى:[مىسال:] تاشقى كۆرۈنۈش.[يەشمىسى:] ② ئىچكى ئىشلارغا نىسبەتەن سىرتقى، خارجى:[مىسال:] تاشقى سودا.

تاشقىرى

  • تاشقىرى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاشقى، سىرتقى تەرەپكە ئورۇنلاشقان، سىرتىدىكى:[مىسال:] ئالمىخاننىڭ بېغىدا، بىر تۈپ ئۈزۈم بار قاشقىرى. ئالمىخانغا سەپسېلىڭلار، ئۇتتۇر چىشى تاشقىرى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] باشقا، سىرت:[مىسال:] ئۇنىڭدىن تاشقىرى.

تاشقىرىقى

  • تاشقىرىقى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم جاينىڭ سىرتىدىكى، نېرىدىكى، تېشىدىكى:[مىسال:] بۇ ھويلا تاشقىرىقى ھويلىدىنمۇ كۆركەم ئىدى.

تاشقىلاتماق

  • تاشقىلاتماق[يەشمىسى:] «تاشقىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تاشقىلىماق

  • تاشقىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تاشماق:[مىسال:] چېلەكتىكى سۇ تاشقىلاپ تۆكۈلدى.

تاشقىن

  • تاشقىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاتتىق يامغۇر ياكى قار-مۇزلارنىڭ ئېرىشى بىلەن كۆپىيىپ ئۆز قىنىدىن تېشىپ كەتكەن سۇ:[مىسال:] تاشقىن كەلمەك.

تاشقىنلىق

  • تاشقىنلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاشقىنى بار، تاشقىنلاپ تۇرغان.

تاشقىنلىماق

  • تاشقىنلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① دەريا سۇلىرى قىرغاقلاردىن تېشىپ كەتمەك:[مىسال:] ئۆگەن دەرياسى باھار كەلكۈنى بىلەن تاشقىنلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جۇش ئۇرماق، جۇشقۇنلىماق:[مىسال:] ئۇنىڭ قەلبىدە چەكسىز خۇشاللىق تاشقىنلايتتى.

تاشكۆمۈر

  • تاشكۆمۈر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاش+كۆمۈر[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ناچار كۆمۈر. سىرتقى كۆرۈنۈشى تاغ جىنسلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ؛ ئادەتتە ئۇ يېقىلغۇ قىلىنىشتىن سىرت يەنە خىمىيىۋى ئوغۇت ياساشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

تاشگۈل

  • تاشگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاش+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① تاشگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى ئاچ قىزىل كېلىدۇ؛ مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

تاشلاتماقⅠ

  • تاشلاتماقⅠ[يەشمىسى:] «تاشلىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تاشلاتماقⅡ

  • تاشلاتماقⅡ[يەشمىسى:] «تاشلىماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھەنىپە قارا كۆرپىدىن جۇۋا تاشلىتىپ كىيدى.

تاشلاشماقⅠ

  • تاشلاشماقⅠ[يەشمىسى:] «تاشلىماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] لېتىپ ئەپەندى بىلەن ئەكبەرخان يىراقلارغا نەزەر تاشلاشتى.

تاشلاشماقⅡ

  • تاشلاشماقⅡ[يەشمىسى:] «تاشلىماقⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] جۇۋىچى ئۇستاملار قىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا بەس-بەستە جۇۋا تاشلاشتى.

تاشلاق

  • تاشلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قوغۇن پېلىكىگە ئوخشاش يەر بېغىرلاپ ئۆسىدىغان، شاخلىرى تىكەنلىك، مېۋىسى ياۋا ئۈزۈمگە ئوخشاش يېشىل، مېۋىسىنى يېيىشكە بولىدىغان بىر خىل تاغ ئۆسۈملۈكى.

تاشلاندۇق

  • تاشلاندۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېرەكسىز، يارامسىز، تاشلىۋېتىلگەن؛ قالدۇق:[مىسال:] تاشلاندۇق نەرسىلەر.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاشلىۋېتىلگەن، قالدۇق نەرسە.

تاشلانماقⅠ

  • تاشلانماقⅠ[يەشمىسى:] «تاشلىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تۈرمىگە تاشلانماق. ئەخلەت دۆۋىسىگە تاشلانماق.

تاشلانماقⅡ

  • تاشلانماقⅡ[يەشمىسى:] «تاشلىماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] جۇۋا تاشلانماق.

تاشلىقⅠ

  • تاشلىقⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاش بار، تاش كۆپ:[مىسال:] تاشلىق يەر. تاشلىق جاي.[يەشمىسى:] ② سۈپەت.[يەشمىسى:] تاش ئورنىتىلغان:[مىسال:] تاشلىق سائەت.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاش بار، تاش كۆپ جاي:[مىسال:] تاشلىقتا ئىشلىمەك.

تاشلىقⅡ

  • تاشلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇشلارنىڭ ئاشقازىنى:[مىسال:] توخۇنىڭ تاشلىقى. كەپتەرنىڭ تاشلىقى.

تاشلىقⅢ

  • تاشلىقⅢ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاشلانغان، تېشى بار:[مىسال:] تاشلىق جۇۋا.[يەشمىسى:] ② سۈپەت.[يەشمىسى:] تاش قىلىشقا تەييارلانغان، تاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان:[مىسال:] تاشلىق رەخت. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاش قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ياكى تاش قىلىنغان نەرسە:[مىسال:] جۇۋىنىڭ تاشلىقى. كىتابنىڭ تاشلىقى. يوتقاننىڭ تاشلىقى.

تاشلىقⅣ

  • تاشلىقⅣ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «خاما»غا قاراڭ.

تاشلىماقⅠ

  • تاشلىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنى يەرگە، پەسكە قارىتىپ چۈشۈرمەك، ئاتماق:[مىسال:] ئۇ قولىدىكى خەتنى پۇرلاپ-پۇرلاپ يەرگە تاشلىۋەتتى.[يەشمىسى:] ② چۈشۈرمەك، تۆكمەك:[مىسال:] دەرەخلەر غازاڭ تاشلىدى.[يەشمىسى:] ③ ئۈستىدىن ئاشۇرۇپ، ئارتىلدۇرۇپ قويماق؛ سالماق، ياپماق:[مىسال:] پادىچى نان خالتىسىنى مۈرىسىگە تاشلاپ يولىغا ماڭدى.[يەشمىسى:] ④ ۋاز كەچمەك، خاتىمە بەرمەك، تەرك ئەتمەك:[مىسال:] ئۇ بىرچاغلاردا جان بېقىشنىڭ تەسلىكىدىن يۇرتىنى تاشلاپ، ياقا يۇرتلارغا چىقىپ كەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ⑤ بىرەر جايدا قالدۇرماق ياكى بىركىمنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەك:[مىسال:] ئىككى يىل بۇرۇن تۇغقانلارنىڭكىگە ئىككى تۇياق قوزىچاقنى ئاپىرىپ تاشلىۋېدىم، بۇ يىل يوغان ئىككى قوي بولغاندا ياندۇرۇپ ئەكەلدىم.[يەشمىسى:] ⑥ ئۆزىنى ئاتماق:[مىسال:] ئۇ ئاران ئورنىدىن تۇرۇپ كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قويماق، بەرمەك، سورىماق:[مىسال:] سوئال تاشلىماق.[يەشمىسى:] ⑧ ئىرغاڭلىماق، چايقالماق:[مىسال:] ئۇ بالا ئۆزىنى ئىككى يانغا تاشلاپ ماڭىدۇ.[يەشمىسى:] ⑨ چۈشۈرمەك، پەيدا قىلماق (سايە ھەققىدە):[مىسال:] يوغان تېرەك ئەتراپلارغا سايە تاشلاپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] 01 پېئىلنىڭ رەۋىشداش شەكىللىرى بىلەن تۈس ياردەمچىسى رولىدا كېلىپ: 1) ھەرىكەتنىڭ تېز ھەم كەسكىن بېجىرىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئېتىپ تاشلىماق. قىرىپ تاشلىماق.[يەشمىسى:] 2) ھەرىكەتنىڭ تاسادىپىي، ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] دەپ تاشلىماق. كۈلۈپ تاشلىماق.[يەشمىسى:] 11 بەزى ئىسىملارنى پېئىللاشتۇرىدۇ:[مىسال:] بالا تاشلىماق. سالما تاشلىماق.

تاشلىماقⅡ

  • تاشلىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تاش بېكىتمەك، ئورناتماق، تاش قاپلىماق:[مىسال:] كىتاب تاشلىماق. جۇۋا تاشلىماق.

تاشما

  • تاشما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئىلغا»غا قاراڭ.

تاشماق

  • تاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قىرغاقتىن ئاشماق، ئېشىپ ئەتراپقا يېيىلماق؛ باسماق:[مىسال:] بۇ چېكى يوق سۇ تېشىپ جىلغا تەرەپكە چۈشۈپ كېتىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جۇش ئۇرماق، غەيرەتلەنمەك؛ ئۆرلىمەك، كۆپەيمەك:[مىسال:] ھېيىتئاخۇننىڭ غەيرىتى باشقىدىن ئۇرغۇپ تاشتى.

تاشئوت

  • تاشئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاش+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قەلەمپۇر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تەمى تاتلىق، تەبىئىتى سەل سوغۇق بولۇپ، زەھەرسىز، ئىسسىقنى تارقىتىپ قاننى سوۋۇتىدۇ.

تاشئېگىر

  • تاشئېگىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاش+ئېگىر[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چايانئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غوزىسى تۇخۇم شەكىللىك، دورا ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، نەملىكنى ھەيدەش، زەھەرنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە.

تاشىرقىماق

  • تاشىرقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تاشلىق يەرلەردە ئۇزۇن يول يۈرۈپ تۇيىقى ئۇپراپ، نېپىزلەپ، قاماپ ئاقسىماق، ماڭالماي قالماق (ھايۋانلار ھەققىدە):[مىسال:] تاشىرقاپ كەتمەك.

تاشيارغان

  • تاشيارغان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاش+يارغان[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تاشيارغان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تېبابەتچىلىكتە غول ۋە يوپۇرمىقى ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى ۋە ئۈششۈكنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

تاشيول

  • تاشيول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاش+يول[[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] شەھەر سىرتىدىكى، ھەر خىل ئاپتوموبىللار قاتنايدىغان ۋە ئۈستىگە شېغىل، يېيىتىلغان كەڭ ھەم تۈز يول.

تاغ

  • تاغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يەر ئۈستىنىڭ تەكشىلىككە، دۆڭلۈككە نىسبەتەن تېخىمۇ كۆتۈرۈلگەن ئېگىز قىسمى:[مىسال:] تاغ تىزمىسى. * ئۆچكە تاغدا پۇل، ئۈزۈم باغدا پۇل (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئېغىر يۈك، ئېغىرچىلىق، مۇشەققەت:[مىسال:] ئازادلىققا ئېرىشىپ، يەلكىمىزنى بېسىپ تۇرغان تاغ ئۆرۈلگەندەك بولدى.

تاغ يۈرەك

  • تاغ يۈرەك[يەشمىسى:] قورقماس، باتۇر:[مىسال:] غۇيۇلداپ ئۆتكەن يىللار ئۇنىڭ كۆيۈمچان تاغ يۈرەك ئوغلىنىمۇ ئېلىپ كەتكەنىدى.

تاغا

  • تاغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بالىلارغا نىسبەتەن ئاتا ياكى ئانىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى. ?

تاغار

  • تاغار[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاشلىق ۋە باشقا نەرسىلەرنى قاچىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، پاختا، يۇڭ، چىگە يىپلىرىدىن ياكى سۈنئىي تالالاردىن توقۇلغان بۇيۇم؛ چوڭ قاپ:[مىسال:] بۆز تاغار. كاناپ تاغار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ، نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر تاغار بۇغداي. بىر تاغار ئۇن. ئىككى تاغار قۇناق. ئۈچ تاغار سامان.

تاغاردا بىر

  • تاغاردا بىر[يەشمىسى:] ناھايىتى كۆپ، ئىنتايىن نۇرغۇن، تولا:[مىسال:] ئۇنىڭغا گەپ قىلمىدى دەمسەن بۇلۇڭغا تارتىپ تاغاردا بىر نەسىھەت قىلسام، ھەپتە ئۆتمەي يەنە ئۆزى بىلگىنىنى قىلدى.

تاغار-تاغار

  • تاغار-تاغار[يەشمىسى:] بىرقانچە تاغار، نۇرغۇن تاغار:[مىسال:] تاغار-تاغار ئاش ئالماق.

تاغارچى

  • تاغارچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تاغار توقۇش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى. [يەشمىسى:] ② يەكەن ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ ۋە خوشۇت ناھىيىسىدىكى يەنە بىر يېزىنىڭ نامى.

تاغارچىلىق

  • تاغارچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاغار توقۇش، سېتىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] تاغارچىلىق قىلماق.

تاغارلاپ

  • تاغارلاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تاغىرى بىلەن، تاغار توشقۇزۇپ:[مىسال:] بۇ يوقسۇل ئۆتكۈزدى يېرىم ئەسىرنى، غوجىنىڭ يېرىگە ئىشلەپ، تەر تۆكۈپ. ئالدى ئاش ھەر يىلى نەچچە تاغارلاپ، ۋە لېكىن قالدى ئۇ، ئارىنى تۇتۇپ.

تاغارلىق

  • تاغارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تاغىرى بار؛ تاغار ئارتىلغان ياكى تاغار بېسىلغان؛ تاغار كۆتۈرگەن ياكى يۈدۈگەن.[يەشمىسى:] ② تاغار توقۇشقا يەتكۈدەك، تاغار توقۇشقا باب:[مىسال:] بەش تاغارلىق يىپ.

تاغاق

  • تاغاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قولنىڭ ياكى ئالدى پۇتنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى گۈرجەك سۆڭەك:[مىسال:] ئىككىنچى رەت ئاتقان ئوق تاغاققا تەگدى.

تاغ-تاش

  • تاغ-تاش[يەشمىسى:] تاغ ۋە تاش، ئومۇمەن تاغ ۋە تاشلىق جاي:[مىسال:] تاغ-تاشقا بارماق.

تاغچى

  • تاغچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاغلىقلار بىلەن ئېلىم-بېرىم، سودا-سېتىق قىلىدىغان ئادەم:[مىسال:] ئەمما نەزەر ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈز ئايلىرىدا تاغچىلارغا بۆرە، تۈلكە، سۈلەيسۈن ئېتىپ ساتاتتى.

تاغچىلىق

  • تاغچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاغلىقلار بىلەن قىلىنىدىغان ئېلىم-بېرىم، سودا-سېتىق پائالىيەتلىرى:[مىسال:] تاغچىلىق قىلماق. * قاسىم ھەر يىلى تاغچىلىقتىن ئاز-تولا نەپ ئېلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئائىلىسىنى بېقىۋاتىدۇ.

تاغ-دالا

  • تاغ-دالا[يەشمىسى:] تاغلىق يەرلەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تۈزكەتكەن دالىلار:[مىسال:] تاغ-دالا سەيلىسى.

تاغ-داۋان

  • تاغ-داۋان[يەشمىسى:] تاغ ۋە داۋان:[مىسال:] بۇ يولنىڭ بېسىپ ئۆتىدىغان تاغ-داۋانلىرىمۇ ئاز ئەمەس.

تاغ-دەريا

  • تاغ-دەريا[يەشمىسى:] تاغ ۋە دەريا:[مىسال:] ئۇلار بۇ يەرگە كەلگىچە نۇرغۇن تاغ-دەريالاردىن ئۆتتى.

تاغدېنىⅠ

  • تاغدېنىⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاغ+دان+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئەپيۈنگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تۈگۈنەك يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ. ئاغرىق پەسەيتىش رولىغا ئىگە.

تاغدېنىⅡ

  • تاغدېنىⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاغ+دان+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئەپيۈنگۈل ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇ بىر خىل زەھەرلىك ئۆسۈملۈكتۇر.

تاغدىن-باغدىن

  • تاغدىن-باغدىن[يەشمىسى:] «باغدىن-تاغدىن»غا قاراڭ:[مىسال:] تاغدىن-باغدىن سۆزلىمەك.

تاغلىق

  • تاغلىق[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] تاغ بىلەن ئورالغان، تاغ كۆپ:[مىسال:] تاغلىق يەر.[يەشمىسى:] ② ئىسىم.[يەشمىسى:] تاغ رايونلىرىدا ياشايدىغان، تاغدا تۇرىدىغان كىشى:[مىسال:] ئۇ بالىنىڭ كىيىملىرى تاغلىقنىڭ كىيىمىدەك قىزىل توپا رەڭگىدە تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېغى بار، تاغلىرى كۆپ جاي:[مىسال:] بۇ تاغلىقتا ئۇزۇن تۇرغىلى بولمايدۇ، ئىشلىرىمىزنى تۈگىتىپ دەرھال قايتىشىمىز كېرەك.

تاغمۇتاغ

  • تاغمۇتاغ[يەشمىسى:] تاغدىن تاغقا، ھەممە تاغلار ئارا:[مىسال:] شۇ كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىللە تاغمۇتاغ يۈرۈپ ئوۋ قىلدۇق.

تاغۇتاش

  • تاغۇتاش[يەشمىسى:] تاغلىق جاي ۋە ئۇنىڭدىكى تاشلار:[مىسال:] غالىبلار قەلبىدىن ياڭرىغان جەڭگىۋار مارش ساداسى تاغۇتاشنى تىترىتىپ، يەر-زېمىننى زىلزىلىگە كەلتۈرمەكتە.

تاغىل

  • تاغىل[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوخشاشمىغان رەڭ سىزىقچىلىرى بولغان:[مىسال:] تاغىل مۈشۈك. تاغىل ئىنەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئالمىنىڭ بىر خىل سورتى. رەڭگى قىزىل بېغىر رەڭ، تاغىل بولىدۇ.

تاقⅠ

  • تاقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىككىگە پۈتۈن بۆلۈنمەيدىغان، جۈپى بولمىغان:[مىسال:] تاق سان. * دەرد كەلسە جۈپ، دۆلەت كەلسە تاق (ماقال).[يەشمىسى:] ② جۈپى، شېرىكى بولمىغان؛ جۈپسىز، يالغۇز:[مىسال:] ئۇ ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمەي تاق ئۆتكەن ئادەم.

تاق سان

  • تاق سان[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئىككىگە پۈتۈن بۆلۈنمەيدىغان سان. مەسىلەن: 1، 3، 5، 7 قاتارلىقلار.

تاقⅡ

  • تاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق جىسىملارنىڭ بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] ئىشىك «تاق» قىلىپ يېپىلىشى بىلەن تەڭ پەرىزات غايىب بولدى.

تاقⅢ

  • تاقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] دەل:[مىسال:] ئۇ چوڭ مەھەللىنىڭ تاق ئۈستىدىن چۈشتى.

تاقⅣ

  • تاقⅣ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «بولماق، قىلماق» پېئىللىرى بىلەن كېلىپ تاقەتسىزلىكنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] تاقىتى تاق بولماق. تاقىتىنى تاق قىلماق.

تاقاⅠ

  • تاقاⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئات-ئۇلاغلار تۇيىقىنىڭ ئاستىغا قېقىلىدىغان دۈگىلەك تۆمۈر.[يەشمىسى:] ② ئەتلەس توقۇشتا چۆرنەكنى تۇتۇپ تۇرىدىغان تاقا شەكىللىك سايمان. [يەشمىسى:] ③ كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئۇرچۇق، كىرتىك ۋە موكىلىرىنى قاچىلاش قازىنى.

تاقاⅡ

  • تاقاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىر جۈپ ئەتلەس ياكى بەقەسەمنىڭ ھەربىر بۆلىكى:[مىسال:] سىيىت خوجا پەتنۇستىكى بىر جۈپ تاقا بەقەسەمنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ كەتتى.

تاقابىل

  • تاقابىل[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆزئارا باراۋەر، دەلمۇدەل:[مىسال:] تاقابىل تۇرماق. تاقابىل كەلمەك.

تاقاتماق

  • تاقاتماق[يەشمىسى:] «تاقىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تاقاراشماق

  • تاقاراشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گەپ تالاشماق، ئۆز پىكرىنى قۇۋۋەتلەپ تۇرۇۋالماق؛ تاكاللاشماق:[مىسال:] مەريەمخان قاسىمئاخۇننىڭ سۆزىگە تەن بەرمەي خېلى تاقارىشىپ باقتى.

تاقاشماق

  • تاقاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① «تاقىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كېلىپ ھەربىي تاغىلار، ئۇنى قىزغىن ماختاشتى. قەھرىمانلىق گۈلىنى، مەيدىسىگە تاقاشتى.[يەشمىسى:] ② بىرنەرسە ئىككىنچى بىرنەرسىگە تىركىلىپ قالماق، توسۇلماق:[مىسال:] بايراق مومىنىڭ ئۇچىغا چىقتى-دە، بايراقنىڭ كالتىكى تاققىدە غالتەككە تاقاشتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىش، مەسىلە ئىككىنچى بىر ئىش ياكى مەسىلىگە چېتىلىپ قالماق، دۇچ كەلمەك:[مىسال:] ئاپلا، يەنە بىر ئىشقا تاقاشتىغۇ، تېخى ھەيدەلمىگەن ئېڭىز يېرىنى قانداق قىلارمىز

تاقاقⅠ

  • تاقاقⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توما، چۈشۈرگە ۋە باشلام ئېغىزلىرىدا سۇنىڭ ئاز-كۆپ ئېقىشىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ياغاچ، سېمونت قاتارلىقلاردىن مەخسۇس ياسالغان قۇرۇلما؛ قاپقا:[مىسال:] تاقاقنى كۆتۈرۈپ قويماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەرۋازا، ئىشىك قاتارلىقلارنى تاقاش ئۈچۈن ئورنىتىلغان توغرا بالداق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاقالغان، تاقاقلىق:[مىسال:] دەرۋازا ئىچىدىن تاقاق تۇرىدۇ.

تاقاقⅡ

  • تاقاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كونا جەمئىيەتتە گۇناھكارلارنىڭ بوينىغا سالىدىغان ئېغىر تاختا ياغاچ.

تاقاقخانا

  • تاقاقخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تومىنىڭ تاقىقىنى باشقۇرىدىغان ئۈسكۈنىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆي.

تاقاقلىق

  • تاقاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاقالغان، تاقاق:[مىسال:] ئىشىك تاقاقلىق.

تاقالماق

  • تاقالماق[يەشمىسى:] ① «تاقىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەتىسى كەچتە تۈلكە كەپتەرنىڭ ئۇۋىسىغا كەپتۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىشىكىمۇ مەھكەم تاقالغانىكەن.[يەشمىسى:] ② مۇناسىۋەتلىك بولۇپ چىقماق، ئالاقىدار بولماق:[مىسال:] خىيالىم ئاخىرى ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىگە بېرىپ تاقالدى.

تاقەت

  • تاقەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] چىداشلىق، بەرداشلىق بېرىش قابىلىيىتى؛ چىدام، غەيرەت:[مىسال:] تاقىتى بار. تاقەت قىلماق. * شەرىخاننىڭ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋېرىشكە تاقىتى قالمىغانىدى.

تاقەتسىز

  • تاقەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاقىتى يوق، تاقەت قىلالمايدىغان؛ چىدامسىز، ئالدىراڭغۇ:[مىسال:] تاقەتسىز ئادەم.

تاقەتسىزلەندۈرمەك

  • تاقەتسىزلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «تاقەتسىزلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تاقەتسىزلەنمەك

  • تاقەتسىزلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئالدىراپ تۇرماق، بىتاقەت بولماق:[مىسال:] رۇقىيە كىنوخانىنىڭ ئالدىدا ئۇنى ساقلاپ تاقەتسىزلىنەتتى.

تاقەتسىزلىك

  • تاقەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاقەت قىلالماسلىق، بىتاقەتلىك:[مىسال:] ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى خۇشاللىق ئارىلاش تاقەتسىزلىك ئورىۋالدى.

تاقەتلىك

  • تاقەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاقىتى بار، تاقەت قىلالايدىغان، چىداملىق:[مىسال:] تاقەتلىك يىگىت.

تاقتاق

  • تاقتاق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] «تاق-تاق» قىلىپ تاقلاش ھالىتى:[مىسال:] تاقتاق چېكەتكە.

تاق-تاق

  • تاق-تاق[يەشمىسى:] «تاقⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

تاق-تۇق

  • تاق-تۇق[يەشمىسى:] «تاق»قىلغان ۋە شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] «تاق-تۇق» ئاۋازلار ياڭراپتۇ كۆككە، بىر چوڭ خەۋپنى يەتكۈزۈپ كۆپكە.

تاققا-تۇققاⅠ

  • تاققا-تۇققاⅠ[يەشمىسى:] ئېگىز-پەس، رەتسىز، قالايمىقان، جايىدا ئەمەس:[مىسال:] ئۇ دادىسىنىڭ سوئالىغا تاققا-تۇققا جاۋاب بەردى.

تاققا-تۇققاⅡ

  • تاققا-تۇققاⅡ[يەشمىسى:] بالىلار ئويۇنىنىڭ بىر تۈرى. بىرنەچچە بالا پۇتلىرىنى بىر-بىرىگە تىرەپ ئولتۇرۇپ، تاققا-تۇققا، زەنجىر-ھالقا...دەپ ئوينايدۇ.

تاققىدە

  • تاققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «تاق» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ، «تاق» قىلغان ھالدا:[مىسال:] مەن كەينىمگىمۇ قارىماي، ئىشىكنى تاققىدە ياپتىم-دە، كېتىپ قالدىم.

تاقلاتماقⅠ

  • تاقلاتماقⅠ[يەشمىسى:] «تاقلىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تاقلاتماقⅡ

  • تاقلاتماقⅡ[يەشمىسى:] «تاقلىماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كېۋەز تاقلاتماق. قوناق تاقلاتماق.

تاقلاشماقⅠ

  • تاقلاشماقⅠ[يەشمىسى:] «تاقلىماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلار ھە دەپ تاقلاشماقتا ئىدى.

تاقلاشماقⅡ

  • تاقلاشماقⅡ[يەشمىسى:] «تاقلىماقⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىز 2-ئەترەتكە ئۈچ كۈن قوناق تاقلىشىپ بەردۇق.

تاقلانماق

  • تاقلانماق[يەشمىسى:] «تاقلىماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ قالدۇق يېرىگە تېرىغان قوناقلىرى تاقلىنىپ، تۈۋىگە توپا يۆلىنىپتۇ.

تاقلىماقⅠ

  • تاقلىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سەكرىمەك، ئاتلىماق:[مىسال:] تاقلاپ ئۆتمەك.

تاقلىماقⅡ

  • تاقلىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] زىرائەت مايسىلىرىنىڭ ئارتۇق تۈپلىرىنى يۇلۇپ تاشلىماق؛ شالاڭلاتماق.

تاقىچى

  • تاقىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاقا ياسايدىغان، تاقا قاقىدىغان، تاقا سوقىدىغان ئادەم.

تاقىچىلىق

  • تاقىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاقا سوقۇش، تاقا قېقىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] تاقىچىلىق قىلماق.

تاقىرⅠ

  • تاقىرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپ ئۆسمىگەن، گىياھ ئۈنمىگەن:[مىسال:] ئىسسىق كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان كەڭ تاقىر سايدىن تاشۋاي ۋە بارات چىقىپ كېلىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② ئۈستىدە يۇڭ، تۈك قاتارلىق نەرسىلەر يوق ياكى ئىنتايىن شالاڭ (باش، تېرە قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] تاقىر باش. تاقىر تېرە.

تاقىرⅡ

  • تاقىرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق جىسىملارنىڭ بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇشى ياكى سىلكىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.

تاقىراق

  • تاقىراق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئات، ئېشەك قاتارلىق تۇياقلىق ھايۋانلارنىڭ قاتتىق يەردە يۈگۈرۈشىدىن، شۇنىڭدەك بىر خىل قاتتىق نەرسىنىڭ يەنە بىر خىل قاتتىق نەرسىگە ئىلگىرى-كېيىن تېگىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.

تاقىراق-تاقىراق

  • تاقىراق-تاقىراق[يەشمىسى:] «تاقىراق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇ دەرھال ئاتقا مىنىپ، «تاقىراق-تاقىراق» قىلىپ غەرب تەرەپكە چېپىپتۇ.

تاقىراق-تۇقۇرۇق

  • تاقىراق-تۇقۇرۇق[يەشمىسى:] «تاقىراق» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

تاقىر-تاقىر

  • تاقىر-تاقىر[يەشمىسى:] «تاقىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

تاقىر-تۇقۇر

  • تاقىر-تۇقۇر[يەشمىسى:] «تاقىر» قىلغان ۋە شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] كارۋان يەنە «تاقىر-تۇقۇر»، «دۈكۈر-دۈكۈر» قىلىپ كۆۋرۈكتىن يۈرۈپ كەتتى.

تاقىرلاتماق

  • تاقىرلاتماق[يەشمىسى:] «تاقىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تاقىرلاشماقⅠ

  • تاقىرلاشماقⅠ[يەشمىسى:] «تاقىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئېغىلدىكى ئاتلار سىرتتىكى ھايت-ھۇيت ئاۋازلارنى ئاڭلاپ، تاقىرلىشىپ تۇرالماي قالدى.

تاقىرلاشماقⅡ

  • تاقىرلاشماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تاقىر ھالەتكە كەلمەك.

تاقىرلانماق

  • تاقىرلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تاقىر ھالەتكە كەلمەك، تاقىرلاشماق. [يەشمىسى:] ② تۈكى چۈشۈپ، تۈكسىز ھالەتكە كېلىپ قالماق.

تاقىرلىق

  • تاقىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تاقىر ھالەت. [يەشمىسى:] ② تاقىر جاي:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئالدىدا تاشلىق ھەم تاقىرلىق باشلاندى.

تاقىرلىماق

  • تاقىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «تاقىر» قىلماق، «تاقىر» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] تاقىرلاپ يۈگۈرمەك.

تاقىسىز

  • تاقىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاقىلانمىغان ياكى تاقىسى يوق:[مىسال:] تاقىسىز ئېشەك تاشتا يۈرەلمەس (ماقال).

تاقىسىزلىق

  • تاقىسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاقا قاقتۇرۇلمىغان ياكى تاقىسى يوق ھالەت.

تاقىسىمان

  • تاقىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاقىغا ئوخشاش، تاقىدەك.

تاقىلاتماق

  • تاقىلاتماق[يەشمىسى:] «تاقىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئات تاقىلاتماق.

تاقىلاشماق

  • تاقىلاشماق[يەشمىسى:] «تاقىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تاقىلاقسىز

  • تاقىلاقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاقىلانمىغان، تاقا قاقتۇرۇلمىغان.

تاقىلاقلىق

  • تاقىلاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاقىلانغان، تاقىسى بار، تاقا قاقتۇرۇلغان.

تاقىلانماق

  • تاقىلانماق[يەشمىسى:] «تاقىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئات-ئۇلاغلار تاقىلاندى.

تاقىلداتماق

  • تاقىلداتماق[يەشمىسى:] «تاقىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇستىلىق بىلەن دۈملەنگەن ئىسسىق پولۇنىڭ ئۆينى بىر ئالغان خۇش پۇرىقى كىشىنىڭ دىمىغىنى غىدىقلاپ، ئىشتىھاسىنى تاقىلدىتاتتى.

تاقىلداشماق

  • تاقىلداشماق[يەشمىسى:] «تاقىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تاقىلدىتىشماق

  • تاقىلدىتىشماق[يەشمىسى:] «تاقىلداتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلار كەپسىزلىك قىلىپ جوزىلارنى تاقىلدىتىشقا باشلىدى.

تاقىلدىماق

  • تاقىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «تاق-تاق» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] شۇ ئەسنادا ئىشىكنىڭ تاقىلدىشى ئۇنىڭ خىيالىنى بۇزدى.[يەشمىسى:] ② ئالدىرىماق، تەقەززا بولماق، تاقەتسىزلەنمەك:[مىسال:] كەپتۇ غازلار غاقىلداپ، نەپسىلىرى تاقىلداپ.

تاقىلىق

  • تاقىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تاقىسى بار، تاقىلانغان:[مىسال:] تاقىلىق ئات.[يەشمىسى:] ② تاقا ئۈچۈن تەييارلانغان، تاقىغا باب:[مىسال:] تاقىلىق تۆمۈر.

تاقىلىماق

  • تاقىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تاقا قاقماق، تاقا ئورناتماق:[مىسال:] ئات تاقىلىماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەپلىمەك، راسا جايلىماق:[مىسال:] سەن ئۇنى راسا تاقىلاپ يولغا سالدىڭ-دە، دېدى ئاغىنەم ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ.

تاقىم

  • تاقىم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئايرىم-ئايرىم تۇرىدىغان، تارقاق:[مىسال:] تاقىم ئارال.

تاقىماق

  • تاقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئەتمەك، بېكىتمەك:[مىسال:] دەرۋازىنى تاقىماق.[يەشمىسى:] ② مېدال، گۈل ۋە شۇ خىلدىكى نەرسىلەرنى تىكىپ ياكى باغلاپ ئورناتماق:[مىسال:] گۈل تاقىماق. مېدال تاقىماق. گالستۇك تاقىماق.[يەشمىسى:] ③ ياپماق، قاپلىماق، ئورىماق:[مىسال:] ماسكا تاقىماق. كۆزەينەك تاقىماق.[يەشمىسى:] ④ تىركەلمەك، تىرىمەك:[مىسال:] تۇرسۇن مەيدىسىنى پارتىغا تاقاپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ھېساب ئىشلەۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ⑤ توختاتماق، ياپماق، ئەتمەك:[مىسال:] ئۇلار كۈن قايرىلىش بىلەن تەڭ ھەممە ئىشنى خۇلاسىلىشىپ ئاشخانىنى تاقايتتى.[يەشمىسى:] ⑥ يەتمەك، توشماق، ئۇلاشماق:[مىسال:] ئايخاننىڭ كەنجى ئوغلى ناسىر ھازىر 25 ياشقا تاقاپ قالغانىدى.[يەشمىسى:] ⑦ ئارتماق، ئىتتىرىپ قويماق:[مىسال:] ئەخمەت ھەممە پاراڭنى ئەگىتىپ كېلىپ يالقۇننىڭ ئۆزىگە تاقاپ قويۇپ قاقاقلاپ كۈلەتتى.

تاك

  • تاك[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق جىسىملارنىڭ بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇشى، تېگىشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] ئۇ ئىشىك «تاك» قىلىش بىلەن تەڭلا ئويغىنىپ كەتتى.

تاكا

  • تاكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېنگال دۆلىتىنىڭ پۇل بىرلىكى.

تاكاس

  • تاكاس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] چەملىك ئاياغ كىيىپ قاتتىق يولدا ماڭغاندا چىققان ئاۋاز.

تاكاس-تاكاس

  • تاكاس-تاكاس[يەشمىسى:] «تاكاس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

تاكاس-تۇكۇس

  • تاكاس-تۇكۇس[يەشمىسى:] «تاكاس» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

تاكاسلاتماق

  • تاكاسلاتماق[يەشمىسى:] «تاكاسلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تاكاسلاشماق

  • تاكاسلاشماق[يەشمىسى:] «تاكاسلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تاكاسلىماق

  • تاكاسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «تاكاس» قىلماق، «تاكاس» قىلغان ئاۋاز چىقارماق.

تاكاللاشقاق

  • تاكاللاشقاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھە دېگەندىلا گەپ تالىشىدىغان؛ تالاشقاق:[مىسال:] تاكاللاشقاق ئادەم.

تاكاللاشماق

  • تاكاللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گەپ تالاشماق، مۇنازىرىلەشمەك.

تاكامۇل

  • تاكامۇل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كەم-كۈتىسىز، يېتىشكەن، مۇكەممەل؛ تولۇق:[مىسال:] ئادەمنىڭ تاكامۇل بولۇشى تەس.

تاكامۇللاشتۇرماق

  • تاكامۇللاشتۇرماق[يەشمىسى:] «تاكامۇللاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تاكامۇللاشتۇرۇلماق

  • تاكامۇللاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تاكامۇللاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تاكامۇللاشماق

  • تاكامۇللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تاكامۇل ھالەتكە كەلمەك، مۇكەممەللەشمەك، يېتىلمەك؛ تولماق.

تاكت

  • تاكت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] مۇزىكىنىڭ ئۇدار بىرلىكى، يەنى تەكرارلىنىدىغان قاتتىق بىر ئۇداردىن يەنە بىر قاتتىق ئۇدارغا يەتكۈچە بولغان ئارىلىقتىكى باسقۇچ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل ئىشلەۋاتقاندا، پورشېننىڭ سىلىندىر ئىچىدىكى ئۇ باشتىن بۇ باشقا بولغان بىر قېتىملىق ھەرىكىتى بىر تاكت بولىدۇ.

تاكتاك

  • تاكتاك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاك+تاك[[يەشمىسى:] ① كونا جەمئىيەتتە پاششاپلارنىڭ «تاك-تاك» قىلىپ ئاۋاز چىقىرىدىغان سايمىنى، ئىككى كالتەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] شۇخىل نەرسىدىن چىققان ئاۋاز.

تاك-تاك

  • تاك-تاك[يەشمىسى:] «تاك» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

تاكتاكچى

  • تاكتاكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① كونا جەمئىيەتتىكى كېچىلىرى تاكتاك ئۇرۇپ ئامانلىق ساقلايدىغان ئادەم:[مىسال:] تاكتاكچى مەھەللە ئارىلاپ تاكتىكىنى ئۇرۇپ يۈرەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پايلاقچى، چېقىمچى:[مىسال:] بۇ ئىشتىن باينىڭ تاكتاكچىلىرى ئاللىقاچان خەۋەر تېپىشىپ بولغانىدى.

تاكتاكچىلىق

  • تاكتاكچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پايلاقچىلىق، چېقىمچىلىق.

تاكتلىق

  • تاكتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاكتلىرى بار، تاكتلارغا بۆلۈنگەن.

تاكتىكا

  • تاكتىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئۇرۇش قىلىشتىكى پرىنسىپ ۋە ئۇسۇل:[مىسال:] ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ياخشى بىلمىگەن كىشى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلالمايدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈرەشنىڭ كونكرېت شارائىتىغا ماس ھالدىكى يولى، فورمىسى ۋە ئۇسۇل، چارە-تەدبىرلىرى.

تاكتىكىچى

  • تاكتىكىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاكتىكىغا ئۇستا، تاكتىكىسى بار، تاكتىكا بىلىدىغان ئادەم.

تاكتىكىسىز

  • تاكتىكىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاكتىكىسى يوق، تاكتىكا ئىشلىتىلمىگەن.

تاكتىكىسىزلىق

  • تاكتىكىسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چارىسىزلىق، تەدبىرسىزلىك.

تاكتىكىلىق

  • تاكتىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاكتىكىسى بار، تاكتىكىغا ئىگە:[مىسال:] تاكتىكىلىق ئادەم.

تاكسى

  • تاكسى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] كىشىلەر ۋاقىتلىق كىرا قىلىپ ئىشلىتىدىغان كىچىك ئاپتوموبىل، ۋاقىت ياكى مۇساپىگە ئاساسەن ھەق ئېلىنىدۇ:[مىسال:] تاكسىغا چۈشمەك. تاكسىدا ئولتۇرماق.

تاككىدە

  • تاككىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «تاك» قىلىپ، «تاك» قىلغان ھالدا:[مىسال:] تاككىدە چۈشمەك. تاككىدە تەگمەك.

تاكېسەي

  • تاكېسەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئادەتتە كۆكتات ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

تاكى

  • تاكى[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «تا»غا قاراڭ:[مىسال:] ئۇ شۇ كەتكىنىچە تاكى ئازادلىققا قەدەر قەشقەرگە ئاياغ باسمىدى.

تاكىراڭ

  • تاكىراڭ[مىسال:] تەق.[يەشمىسى:] ئات، ئېشەك قاتارلىق توم تۇياق ھايۋانلارنىڭ بىر خىلدا يۈگۈرۈشىدىن چىققان ئاۋاز:[يەشمىسى:] ئېشەكنى تاكىراڭ سالدۇرماق.

تاكىراڭ-تاكىراڭ

  • تاكىراڭ-تاكىراڭ[يەشمىسى:] «تاكىراڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

تاكىراڭ-تۇكۇرۇڭ

  • تاكىراڭ-تۇكۇرۇڭ[يەشمىسى:] «تاكىراڭ» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

تاكىراڭلاتماق

  • تاكىراڭلاتماق[يەشمىسى:] «تاكىراڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئوغلاقچىلار ئاتلىرىنى تاكىراڭلىتىپ چېپىپ كېلىۋاتىدۇ.

تاكىراڭلاشماق

  • تاكىراڭلاشماق[يەشمىسى:] «تاكىراڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تاكىراڭلىماق

  • تاكىراڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «تاكىراڭ» قىلىپ يۈگۈرمەك:[مىسال:] تاكىراڭلاپ كېلىۋاتقان ئات ئېرىققا كېلىپ بىردىنلا توختاپ قالدى.

تاكىلداتماق

  • تاكىلداتماق[يەشمىسى:] «تاكىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى ئىدى، ئىشىكىمنى كىمدۇر بىرى ناھايىتى يېنىك تاكىلداتتى.

تاكىلدىماق

  • تاكىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «تاك» قىلغان ئاۋاز چىقماق؛ «تاك-تاك» قىلىپ ئاۋاز چىقىرىلماق:[مىسال:] بالام قارىغىنا، ئىشىك تاكىلداۋاتىدۇ.

تاڭⅠ

  • تاڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① كۈن چىقىشنىڭ ئالدىدىكى پەيت، سۈبھى، سەھەر:[مىسال:] تاڭ ئاتماق. تاڭ يورۇماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسە ياكى ئىشنىڭ باشلىنىش پەيتى، دەسلەپكى دەۋر:[مىسال:] ئازادلىق تېڭى.

تاڭ ئاتماق

  • تاڭ ئاتماق[يەشمىسى:] ① تۈن ئاخىرلىشىپ، تاڭ يورۇماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۈلپەتتىن، زۇلۇمدىن قۇتۇلماق، ئازادلىققا چىقماق؛ يورۇقلۇققا چىقماق.

تاڭ ئاشۇرماق

  • تاڭ ئاشۇرماق[يەشمىسى:] ئاتقا ئوت ياكى بوغۇز بەرمەي بىر كېچە قاڭتۇرۇپ قويۇپ سەپەرگە ياكى بەيگىگە تەييارلىماق.

تاڭⅡ

  • تاڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] جۈملىدە «بىلمەيمەن، خەۋىرىم يوق» دېگەندەك ئېنىقسىزلىق جاۋاب ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇنى ئالىم ئاكىسىنىڭ ئاۋازى ئويغىتىۋەتمىگىنىدە، يەنە قاچانغىچە ئۇخلار ئىدىكىن-تاڭ∥ مەجلىس قاچان ئېچىلىدىكەن تاڭ، خەۋرىم يوق.

تاڭⅢ

  • تاڭⅢ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «قالماق» ياردەمچى پېئىلى بىلەن كېلىپ بىرەر نەرسىگە قاتتىق ھەيران بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇنى كۆرۈپ ھەممىمىز تاڭ قالدۇق.

تاڭⅣ

  • تاڭⅣ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق جىسىملارنىڭ بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇشى، سوقۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.

تاڭەي

  • تاڭەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] بىلمەيمەن، تاڭ:[مىسال:] ۋاي تاڭەي تازا خەۋرىم يوق.

تاڭ-تاڭ

  • تاڭ-تاڭ[يەشمىسى:] «تاڭⅣ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] «تاڭ-تاڭ» قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ دەسسىدە ئورنۇمدىن تۇردۇم.

تاڭ-تۇڭ

  • تاڭ-تۇڭ[يەشمىسى:] تاڭ قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

تاڭجاڭ

  • تاڭجاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئاشخانىلاردىكى خېرىدارنىڭ تاماق زاكازىنى قوبۇل قىلىپ ئالغۇچى خادىم.

تاڭدۇرماق

  • تاڭدۇرماق[يەشمىسى:] «تاڭماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قىز ھوشىدىن كەتتى، ئۇنى باي قېرى قارىياغاچقا تاڭدۇرۇۋەتتى.

تاڭزۇڭزا

  • تاڭزۇڭزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>يېمەك-ئىچمەك<[يەشمىسى:] بىر خىل يېمەكلىك. نومى گۈرۈچى بامبۇك، قومۇش قاتارلىقلارنىڭ يوپۇرمىقىدا كونۇس ياكى باشقا شەكىلدە ئورىلىپ، دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.

تاڭزۇڭزىچى

  • تاڭزۇڭزىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاڭزۇڭزا ئېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، تاڭزۇڭزا ساتىدىغان ئادەم.

تاڭسۇق

  • تاڭسۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەمى غەلىتە، ئۆزگىچە:[مىسال:] پىۋا ئۇنىڭغا بەكلا تاڭسۇق بىلىندى.

تاڭشىر

  • تاڭشىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] گۈرۈچ، سۆك، تېرىق قاتارلىقلارنى دۈملەش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان ھەسەلگە ئوخشاپراق كېتىدىغان تاتلىق سۇيۇقلۇق.

تاڭغۇت

  • تاڭغۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] قەدىمكى چياڭلارنىڭ بىر تارمىقى، يەنى ھازىرقى زاڭزۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بولۇپ، شىمالىي سۇڭ خانلىقى دەۋرىدە تاڭغۇت خانلىقىنى قۇرغان.

تاڭگا

  • تاڭگا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>يېمەك-ئىچمەك<[يەشمىسى:] «تاڭگازا»غا قاراڭ.

تاڭگازا

  • تاڭگازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>يېمەك-ئىچمەك<[يەشمىسى:] ئارپا، تېرىق شىرنىسى ئارقىلىق ئىشلىنىدىغان بىر خىل تاتلىق يېمەكلىك.

تاڭگازىچى

  • تاڭگازىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاڭگازا ياساش ۋە سېتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم.

تاڭگازىچىلىق

  • تاڭگازىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاڭگازا سېتىش، تاڭگازا ئېتىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] تاڭگازىچىلىق قىلماق.

تاڭگىر-تۇڭگۇر

  • تاڭگىر-تۇڭگۇر[يەشمىسى:] «تاراڭ-تۇرۇڭ»غا قاراڭ.

تاڭڭىدە

  • تاڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «تاڭ» قىلىپ، «تاڭ» قىلغان ھالدا.

تاڭلا

  • تاڭلا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېيىنكى كۈندىكى، شۇ كۈننىڭ ئەتىسىدىكى، ئەتىكى:[مىسال:] بارىكاللا تاڭلا كەچكە تەييارلاشلىرىنى تاپشۇرسام قانداق دەيلىكىن، تەخسىر∥ ئاي جېنىم تاڭلا كېلىڭ، تاڭلار ئاتقاندا كېلىڭ؛ مەيلىڭىز بولسا نىگارىم، ئالمىلىق باغقا كېلىڭ.

تاڭلا قىيامەت

  • تاڭلا قىيامەت[يەشمىسى:] دىنىي كۆز قاراشلاردىكى ئۇ ئالەم، قىيامەت كۈنى؛ ئاخىرەت.

تاڭلاي

  • تاڭلاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئېغىز بوشلۇقى بىلەن بۇرۇن بوشلۇقىنى ئايرىپ تۇرىدىغان توقۇلما.

تاڭماق

  • تاڭماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئوراپ، يۆگەپ چىگمەك؛ باغلىماق:[مىسال:] ئۆلگەن بولسا ئېڭىكىنى تاڭاي، تىرىك بولسا يارىسىنى تاڭاي (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زورلىماق، مەجبۇرلىماق:[مىسال:] ھېكىم شەيخ بالىسىغا خالىمايدىغان ئىشنى تاڭدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باسماق، چاپلىماق:[مىسال:] بوۋاي دائىم «قىزىم بىر توي قىلسا، نەۋرەمنى باغرىمغا تېڭىپ بىر كېچە ئۇخلىۋالسام...» دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدى.

تالⅠ

  • تالⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تال تېرەكلەر ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ ياكى چاتقال. ئادەتتە مەجنۇنتال، سېرىق سۆگەت قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلىرى بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② تەك:[مىسال:] تال كۆممەك. تال ئاچماق.

تالⅡ

  • تالⅡ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ئۇزۇن ۋە ئىنچىكە نەرسىلەرنى سان، مىقدار جەھەتتىن ئېنىقلاپ «دانە، پاي» قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] نېپىز پەردە ئىچىدە بىر تال توم چېچىنى ئالدىغا چۈشۈرۈۋالغان گۈزەلئاي خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى.

تالⅢ

  • تالⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ بىرى. ئاشقازان ۋە قېرىنلارنىڭ سول تەرىپىدە بولىدۇ. ئۇ قان دانىچىلىرىنى ئىشلەش ۋە بۇزۇش، تۆمۈر ماددىسىنى زاپاس ساقلاش، ماي ۋە ئاقسىللارنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تەڭشەش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ.

تالاⅠ

  • تالاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆي ئىچى ۋە ھويلىغا نىسبەتەن سىرت، تاشقىرى:[مىسال:] تالاغا چىقماق.

تالاغا قارىماق

  • تالاغا قارىماق[يەشمىسى:] ئايالى تۇرۇپ، باشقا ئايال بىلەن مۇناسىۋەتتە بولماق، باشقا ئايالغا ئىچ پەش تارتىپ قالماق.

تالاⅡ

  • تالاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەبىئىي بولىدىغان ياكى سۈنئىي ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈپ ئىشلەنگەن يىپسىمان ماددا.

تالاⅢ

  • تالاⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غەربىي سامۇئانىڭ پۇل بىرلىكى.

تالاⅣ

  • تالاⅣ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۇزۇن نەرسىلەرنىڭ ئوخشاش كەڭلىكتە بۆلۈنگەن ھەربىر پارچىسى:[مىسال:] پالاسنىڭ ھەربىر تالاسى.[يەشمىسى:] ② تۇماق، دوپپا، شەپكە، دۇتار قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ تەڭ بۆلۈنگەن ھەربىر بۆلىكى، پارچىسى:[مىسال:] تۇماقنىڭ تالاسى.

تالاپەت

  • تالاپەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۇرۇشتىكى چىقىم، ئۆلۈم:[مىسال:] تالاپەت بەرمەك.[يەشمىسى:] ② زىيان-زەخمەت، زەرەر:[مىسال:] تالاپەت يەتمەك.

تالاپەتسىز

  • تالاپەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىقىمسىز، زىيان-زەخمەتسىز:[مىسال:] ھەربىي يۈرۈشتىن تالاپەتسىز قايتىپ كەلمەك.

تالاپەتلىك

  • تالاپەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىقىم تارتقان، زىيان زەخمەتلىك:[مىسال:] چورۇق ھېكىم چاپقاندا، خەزىنىلەرنى ئاچقاندا، كەتمەنچىنى قاقشاتقان، تالاپەتلىك ئاقئۆستەڭ.

تالا-تالا

  • تالا-تالا[يەشمىسى:] يول-يول، بىر ئەن بىر ئەندىن:[مىسال:] يەرلەر تالا-تالا يېرىلىپ، بۇغدايلارنىڭ دېنى قاتمايلا سارغىيىشقا باشلىدى.

تالاتماق

  • تالاتماق[يەشمىسى:] «تالىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئازادلىقنىڭ ئالدىدا مەخسۇت بەگ ئېلىقۇلنىڭ ئىنىسى كىچىككىنە كەنجىتاينى ئىتقا تالىتىپ ئۆلتۈرگەن.

تالا-تۈز

  • تالا-تۈز[يەشمىسى:] ئۆينىڭ سىرتى، ئۆينىڭ سىرتىدىكى جايلار.

تالاش

  • تالاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جېدەل، غۇلغۇلا:[مىسال:] بىزنىڭ ئارىمىزدا تالاش بولۇپ باققىنى يوق.

تالاش-تارتىش

  • تالاش-تارتىش[يەشمىسى:] ھەركىم ياكى ھەر تەرەپ ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇرۇش؛ قاتتىق بەس-مۇنازىرە، غۇلغۇلا:[مىسال:] تالاش-تارتىش قىلماق.

تالاشتۇرماق

  • تالاشتۇرماق[يەشمىسى:] ① «تالاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بارلىق ياراشتۇرىدۇ، يوقلۇق تالاشتۇرىدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② بۆلۈپ تەقسىملىمەك، تارقاتماق:[مىسال:] ئۇ بىر كالىنى سويۇپ، مەھەللىدىكى ئاجىز-ئورۇق، تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللارغا خام تالاشتۇرۇپ بەردى.

تالاشتۇرۇشماق

  • تالاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «تالاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تالاشتۇرۇلماق

  • تالاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تالاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تالاشماق

  • تالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «تالىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنى باشقىلاردىن تارتىپ ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتلەنمەك، جاڭجاللاشماق:[مىسال:] ئاقساق يول تالىشار، پىخسىق پۇل تالىشار (ماقال).

تالاق

  • تالاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كونا ئادەت بويىچە ئايالغا نىسبەتەن ئەر تەرىپىدىن نىكاھنى بۇزۇش، ئاجرىشىپ كېتىش ھەققىدە ئېيتىلغان سۆز:[مىسال:] خوتۇنىنى تالاق قىلماق.

تالاڭ

  • تالاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زورلۇق كۈچ بىلەن تارتىۋېلىش:[مىسال:] تالاڭ قىلماق.

تالاڭچى

  • تالاڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زورلۇق كۈچ بىلەن تالاڭ قىلىدىغان، بۇلاپ-تالايدىغان كىشى.

تالاڭچىلىق

  • تالاڭچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تالاڭ قىلىش، بۇلاڭچىلىق:[مىسال:] بۇ يەردە تالاڭچىلىق باشلانغانىدى.

تالالىقⅠ

  • تالالىقⅠ [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تالادا ئىشلىتىلىدىغان، ئۆينىڭ سىرتىدىكى ئىش-ھەرىكەتتە لازىم قىلىدىغان:[مىسال:] پاكزات دەرھاللا ئۇنىڭ تالالىق كېيىملىرىنى يۇيۇشقا تۇتۇش قىلىپتۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تالاغا يارىشىدىغان خاراكتېر، خۇسۇسىيەت:[مىسال:] خۇدايىم بۇنى تالالىقىلا بار ئادەم قىلىپ يارىتىپتىكەن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياتلىق، ئەرلىك، ئۆيلۈك:[مىسال:] تالالىق قىلماق. تالالىق بولماق.

تالالىقⅡ

  • تالالىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تالاسى بار، تالالىرى بولغان، تالالاردىن تۈزۈلگەن:[مىسال:] تالالىق رەخت. تالالىق بۆك.

تالان

  • تالان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تالاش، تالىنىش:[مىسال:] تالان قىلماق.

تالانت

  • تالانت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] زور قابىلىيەت، ئىقتىدار، ئىستېدات:[مىسال:] تالانت-چىداملىق بولۇش دېمەكتۇر.

تالان-تاراج

  • تالان-تاراج[يەشمىسى:] «بۇلاڭ-تالاڭ»غا قاراڭ:[مىسال:] تالان-تاراج قىلماق.

تالانتسىز

  • تالانتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تالانتى يوق، ئىستېداتسىز.

تالانتسىزلىق

  • تالانتسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىقتىدارسىزلىق، ئىستېداتسىزلىق.

تالانتشۇناس

  • تالانتشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پسىخولوگىيە<[يەشمىسى:] تالانت ئىگىلىرى ۋە تالانتنىڭ يېتىلىشىنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىم، مۇتەخەسسىس.

تالانتلىق

  • تالانتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تالانتى بار، تالانتقا ئىگە، ئىستېداتلىق:[مىسال:] تالانتلىق ئادەم.

تالانماق

  • تالانماق[يەشمىسى:] «تالىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئىتقا تالانماق. پاشىغا تالانماق.

تالاي

  • تالاي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىق، نۇرغۇن، كۆپ:[مىسال:] تالاي يىل. ∥ ئۇ تېخى دۇنيادا تالاي ياشىشى، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشى كېرەك.

تالاي-تالاي

  • تالاي-تالاي[يەشمىسى:] ناھايىتى كۆپ، ناھايىتى نۇرغۇن:[مىسال:] بۇ يولدا تالاي-تالاي ئادەملەر ئۆلۈپ كەتكەن.

تال-تال

  • تال-تال[يەشمىسى:] ھەربىر تېلى ئايرىم-ئايرىم تۇرىدىغان:[مىسال:] قىز كۆكسىگە چۈشۈۋالغان تال-تال چېچىنى ئارقىغا تاشلاپ، دادىسىنىڭ يېنىدىن نېرى كەتتى.

تالجىقتۇرماق

  • تالجىقتۇرماق[يەشمىسى:] «تالجىقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تالجىقماق

  • تالجىقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھاردۇق يەتمەك، ھارماق، چارچىماق:[مىسال:] بىز يول يۈرۈپ تالجىقتۇق.

تالدۇرماق

  • تالدۇرماق[يەشمىسى:] «تالماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بولۇق بۇغداي ئۇنىڭ بىلەكلىرىنى تالدۇردى.

تالستوپكا

  • تالستوپكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] يەڭ ۋە ئېتىكى بوغما كالتا چاپان.

تالقالىق

  • تالقالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تال+قالىق[[يەشمىسى:] تال بىلەن يېپىلغان قالىق.

تالقان

  • تالقان[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قازاندا قورۇلغان داندىن تارتىلغان ياكى قازاندا قورۇلغان ئۇن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇۋالغان، ئۇن ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن:[مىسال:] تالقان دورا. تالقان قىلماق.

تالقان تۆكتى

  • تالقان تۆكتى[يەشمىسى:] ھەممە نەرسە پىشىپ يېتىلگەن، مولچىلىق، باياشاتلىق:[مىسال:] توي يازلىق يىغىمدىن كېيىن ھەممە نەرسىلەر يېتىلگەن تالقان تۆكتى ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

تالقانلىق

  • تالقانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تالقىنى بار، تالقان سېلىنغان.

تالقىتماق

  • تالقىتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چۇۋۇماق، تاراتماق:[مىسال:] چاچنى تالقىتماق.

تالك

  • تالك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. يەنى تەركىبىدە سۇ بولغان ماگنىي سىلىكات بولۇپ ئاق، ئاچ يېشىل، ئاچ سېرىق رەڭلەردە ئۇچرايدۇ.

تالگۈل

  • تالگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تال+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «سۆگەتگۈل»گە قاراڭ.

تاللاتماق

  • تاللاتماق[يەشمىسى:] «تاللىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇرۇق تاللاتماق. كىيىم تاللاتماق.

تاللاشماق

  • تاللاشماق[يەشمىسى:] «تاللىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇرۇقلۇق تاللاشماق.

تاللانما

  • تاللانما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يازما ۋە سىزما ئەسەرلەردىن تاللىۋېلىنغان ئەسەرلەر توپلىمى:[مىسال:] خەلق ناخشىلىرىدىن تاللانما. ∥ تاللانما ئەسەرلەر.

تاللانماق

  • تاللانماق[يەشمىسى:] «تاللىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بەش نەپەر ئۆسمۈر تاللاندى.

تاللىق

  • تاللىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېلى بار، تال كۆپ ئۆسكەن:[مىسال:] تاللىق باغ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تال كۆپ ئۆسكەن يەر:[مىسال:] شەھەرنىڭ سەل سىرتىدىكى تاللىق ئىچىدىن ئۇنىڭ جەسىتى تېپىلىپتۇ.

تاللىماق

  • تاللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۈرى، خىللىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقماق؛ ئىلغىماق، خىللىماق، ئايرىماق:[مىسال:] مەن ئالىيجانابلىق يولىنى تاللىدىم.

تاللىي

  • تاللىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى Tl (Thallium). ئاق رەڭدە بولۇپ، ھاۋادا تۇتۇق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.

تالماق

  • تالماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھارماق، چارچىماق:[مىسال:] ئورمىنى تولا ئورۇپ، تالمامدۇ بىلەكلىرىڭ. مەن يادىڭغا يەتكەندە، چىدامدۇ يۈرەكلىرىڭ.

تالون

  • تالون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] سېتىۋېلىنغان نەرسە-كېرەك ئۈچۈن يېزىپ بېرىلگەن ئىسپات قەغىزى؛ ھۆججەت.

تالونسىز

  • تالونسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تالونى يوق، تالون يازمىغان:[مىسال:] مېنىڭ ھېسابىمدا شۇ كۈنىلا ئۈچ توننا 200 كىلوگرام بۇغداي تالونسىز ئامبارغا كىرىپ كەتتى.

تالونلۇق

  • تالونلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تالونى بار، تالونى يېزىلغان.

تالمۇد

  • تالمۇد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] يەھۇدىيلارنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنىڭ بىرى. «تالمۇد» سۆزى ئەسلىدە قەدىمكى يەھۇدىيچە سۆز بولۇپ، كېيىن رۇس تىلىغا كىرگەن.

تالىپ

  • تالىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەدرىسىلەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى:[مىسال:] دەرسخانىدا 30 چە تالىپ ئولتۇراتتى.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

تالىپلىق

  • تالىپلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تالىپتا بولىدىغان، تالىپتا بولۇشقا تېگىشلىك:[مىسال:] تالىپلىق مىجەز.

تالىماق

  • تالىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① چىشلىمەك، چىشلەپ تارتماق، سىلكىشلىمەك:[مىسال:] ئۇ يار ئىچىگە ئەمدىلا تاشلىنىشىغا چوڭ بىر ئىت ئۈستىدىن بېسىپ چۈشتى-دە، خىرقىرىغىنىچە تالاشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② بۇلىماق، تارتىۋالماق، تالان-تاراج قىلماق:[مىسال:] ئۇلار تاڭ ئاتقۇچە ھېچكىمدە ھېچ نەرسە قالدۇرماي بۇلاپ تالىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەرەپ-تەرەپتىن ھاقارەتلىمەك، ئاھانەت قىلماق، تىللىماق:[مىسال:] ئىلىمدارلار، ئىقتىدارلىق كىشىلەر ئەل ئىشى ئۈچۈن خان بىلەن كۆرۈشكىلى كەلسە، ھوقۇقدارلار ئۇلارنى ئىشىكتىن كىرگۈزمەيلا تالايدۇ.

تام

  • تام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ئۆي ۋە بىنانىڭ ئۈستى تەرىپىنى كۆتۈرۈپ، ئەتراپنى ئوراپ تۇرىدىغان ۋە كېسەك، خىش، ياغاچ قاتارلىقلاردىن تىك كۆتۈرۈلۈپ قۇرۇلغان قۇرۇلما:[مىسال:] كېسەك تام.

تام تېشەر

  • تام تېشەر[يەشمىسى:] ئوغرى.

تامغا ئۈسۈۋالماق

  • تامغا ئۈسۈۋالماق[يەشمىسى:] دەشنەم يېمەك، ئوڭۇشسىزلىققا يولۇقماق:[مىسال:] ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى ناتوغرا بولغانلىقتىن، شۇ پىلان بويىچە ئىشلەيدىغان بولسا، تامغا ئۈسۈۋالىدۇ.

تاما-تاما

  • تاما-تاما[يەشمىسى:] تېمىپ-تېمىپ، تامغانسېرى:[مىسال:] تاما-تاما كۆل تولار (ماقال).

تاماشا

  • تاماشا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشىلەرگە زوق بېغىشلايدىغان كۆرۈنۈشلەر ۋە ئۇنى كۆرۈش ھەم ئۇنىڭغا قاتنىشىش؛ ئويۇن-كۈلكە، كۆڭۈل ئېچىش. [يەشمىسى:] ② قىزىق، كۈلكىلىك، ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى كەلتۈرىدىغان ئىش، ئويۇن:[مىسال:] تاماشا بولماق.

تاماشىبىن

  • تاماشىبىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر تاماشا (ئويۇن) نى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن كىشى، تاماشا كۆرگۈچى؛ تاماشىچى:[مىسال:] زال تاماشىبىنلار بىلەن لىقمۇلىق تولغانىكەن.

تاماشىچى

  • تاماشىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاماشا كۆرگۈچى.

تاماق (تا:ماق)

  • تاماق (تا:ماق)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىدا يىرىك نەرسىلەرنى بىر يەرگە يىغىش، توپىنى تۈزلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر ۋە ياغاچتىن ياسالغان چىشلىق ئەسۋاب، سايمان.

تاماقⅠ

  • تاماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئۈستۈنكى چىشتىن تارتىپ بوغۇزغىچە بولغان قىسمى، قاتتىق تاڭلاي:[مىسال:] تامىقىنى قىرماق.[يەشمىسى:] ② قىزىلئۆڭگەچ بىلەن كېكىردەك ئارىلىقىدىكى جاي؛ بوغۇز:[مىسال:] پاتەمخاننىڭ تامىقى بوغۇلۇپ ئاڭلىنار-ئاڭلانماس: بىلمىدىم، دېدى.

تاماقⅡ

  • تاماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غىزا، تائام، يېمەكلىك:[مىسال:] پۇل-پىششىق تاماق (ماقال).

تاماقⅢ

  • تاماقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەتلەس دۇكىنىدىكى ئۆرۈش يىپلارنى مەلۇم كەڭلىكتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن چىگىلگەن تاياقچە.

تاماقⅣ

  • تاماقⅣ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىلتىقنىڭ ئوق سېلىنىدىغان جايى.

تاماقخانا

  • تاماقخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاماق ئېتىدىغان، تاماق يەيدىغان جاي؛ ئاشخانا.

تاماقلاندۇرماق

  • تاماقلاندۇرماق[يەشمىسى:] «تاماقلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تاماقلانماق

  • تاماقلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تاماق يېمەك، غىزالانماق:[مىسال:] چۈش دېگەن ئادەتتە ئادەملەر ئىككىنچى قېتىم تاماقلىنىدىغان ۋاقىت.

تاماقلىماق

  • تاماقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تاماقۋاغنى بېكىتمەك، تاماقۋاغ تاسمىسىنى چاتماق.

تاماقۋاغ

  • تاماقۋاغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تاماق+باغ[[يەشمىسى:] يۈگەن ۋە نوختىلارنىڭ تاماق بويلاپ باغلانغان بېغى.

تاماكا

  • تاماكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چەيزە ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى چوڭ بولۇپ، تۆمۈنە شەكلىدە كېلىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرماق ۋە غولىدىن تەييارلانغان ھەر خىل چېكىملىكلەر.

تاماكىچى

  • تاماكىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاماكا ياسايدىغان، تاماكا ساتىدىغان ھەم تاماكا تېرىيدىغان كىشى.

تاماكىچىلىق

  • تاماكىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاماكا ئېتىش، سېتىش ۋە تاماكا تېرىپ ئۆستۈرۈش ئىشى، كەسپى.

تاماكىزارلىق

  • تاماكىزارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاماكا ئۆسۈملۈكى كۆپلەپ تېرىلغان، تاماكا ئۆسۈملۈكى بىلەن قاپلانغان جاي، مەيدان.

تامام

  • تامام[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەرقانداق نەرسىنىڭ تۈگەنچىسى، ئاخىرى، سوڭى:[مىسال:] مۇنۇ رودۇپاينى ئۇجۇقتۇرۋەتسەكلا، ئىش تامام.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]رەۋىش.[يەشمىسى:] ھەممە، جىمى؛ تولۇق، بىرىمۇ قالماي:[مىسال:] يىغىنغا چاقىرىلغانلار تامام كېلىپ بولدى.

تامامەن

  • تامامەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① پۈتۈنلەي، بىرىمۇ قالماي، ئۈزۈل-كېسىل:[مىسال:] غەم-ئەندىشە تامامەن تۈگىدى.[يەشمىسى:] ② ئەسلا، زادى، ھېچ، مۇتلەق:[مىسال:] بۈگۈن بولسا، بۇ شەھەردە ئۇ چاغدىكىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان قىزغىن ۋە ئاۋات مەنزىرىنى كۆردۈم.

تاماملاتماق

  • تاماملاتماق[يەشمىسى:] «تاماملىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تاماملاشماق

  • تاماملاشماق[يەشمىسى:] «تاماملىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئىشلىرىنى تاماملىشىپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

تاماملانماق

  • تاماملانماق[يەشمىسى:] «تاماملىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يىل بەكمۇ غەلىبىلىك، تاماملاندى ئىمتىھان. ئەلاچىلار كۆپىيىپ، كۆڭۈل بولدى شادىمان.

تاماملىماق

  • تاماملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاخىرلاشتۇرماق، تۈگەتمەك:[مىسال:] ئابلىمىت بىر كۈنلۈك ئىشىنى تاماملاپ، ئالدىراش ئۆيىگە قايتتى.

تامامىي

  • تامامىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھەممە، بارلىق، جىمى:[مىسال:] تاغلىرىڭ گۈلزارلىقتۇر سۇلىرى زۇمرەت مىسال، خۇش ھاۋالىقتۇر تامامىي جايلىرىڭ نۇرلۇق ۋەتەن.

تامان

  • تامان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەرەپ:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزلىرى غەرب تامان سوزۇلۇپ ياتقان مۇقەددەس تاغلارغا چۈشتى.

تامبال

  • تامبال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پۇتنىڭ ئوشتىن تارتىپ بەلگىچە بولغان قىسمىغا كىيىلىدىغان كىيىم؛ ئىشتان.

تامباللىق

  • تامباللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تامبىلى بار، تامبال كىيگەن:[مىسال:] كۆك تامباللىق كىشى.[يەشمىسى:] ② تامبال تىكىشكە بولىدىغان، باب كېلىدىغان:[مىسال:] بىر تامباللىق كاجى.

تامپوتلىسى

  • تامپوتلىسى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تام+پوتلا+سى[[يەشمىسى:] تاملاردا ساڭگىلاپ قالغان ئۆمۈچۈك تورلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پوتلىسىمان نەرسىلەر.

تامپېلەك

  • تامپېلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تام+پېلەك[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئارالىيە ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال. غولى ۋە يوپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ، غەلۋىرەك قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

تام-تورۇس

  • تام-تورۇس[يەشمىسى:] تام ھەم تورۇس.

تامتۇق

  • تامتۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تۇتام، تايىن، ۋەزىن:[مىسال:] تامتۇقى يوق.

تامچە

  • تامچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇقنىڭ شار شەكلىنى ئالغان كىچىك-كىچىك تېمىمى:[مىسال:] تامچە سۇدا تال كۆكىرەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر تامچە قان.

تامچە-تامچە

  • تامچە-تامچە[يەشمىسى:] ئۈزۈلمەي چۈشكەن تامچىلار:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆكىرىپ كەتكەن مەڭزىگە تامچە-تامچە ياشلار سىرغىدى.

تامچى

  • تامچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تام قوپۇرىدىغان، ئىمارەت سالىدىغان ھۈنەرۋەن.

تامچىقۇرت

  • تامچىقۇرت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تامچە+قۇرت[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] پروتوزوئا. تېنى كۆپىنچە ئېللىپس شەكلىدە كېلىدۇ، تامچە تۈكى بولىدۇ؛ بەزىلىرى ئادەمنىڭ ئۈچەي ياكى جىنسىي يوللىرىدا پارازىت ياشايدۇ، بەزىلىرى تاتلىق سۇدا ياشايدۇ.

تامچىلاتماق

  • تامچىلاتماق[يەشمىسى:] «تامچىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تامچىلىق

  • تامچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆي-ئىمارەت سېلىش كەسپى:[مىسال:] ئاكام يازدا تامچىلىق قىلىدۇ، كۈزدە جۇۋىچىلىق

تامچىلىماق

  • تامچىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تامچە-تامچە بولۇپ چۈشمەك، سىرغىماق:[مىسال:] كابىنكا ئەينىكىگە ئۈچ-تۆت تامچە سۇ تامچىلىدى.

تامدۇرماق

  • تامدۇرماق[يەشمىسى:] «تامماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تامدۇرۇلماق

  • تامدۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تامدۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تامشاق

  • تامشاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۈدە شەكىللىك ئوت.

تامغا

  • تامغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① نەرسە ۋە ھەر خىل مەھسۇلات قاتارلىقلارنىڭ كىمگە ۋە قايسى ئورۇنغا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش، تۈرگە ئايرىش ئۈچۈن، خەت ياكى بەلگە ئويۇلغان قورال.[يەشمىسى:] ② نەرسە، ئالاقە ۋە ھەر خىل مەھسۇلات قاتارلىقلارنى ئاجرىتىش ياكى ئۇلارنىڭ كىمگە، قايسى ئورۇنغا تېگىشلىكلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قويۇلىدىغان بەلگە:[مىسال:] تامغا بېسىلغان رەخت.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەسەر، نىشان، ئىز:[مىسال:] زۇلۇم-زۇلمەت تامغىسى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا بىنائەن چىقىرىلغان بۇيرۇق، ھۆكۈم، قارار:[مىسال:] ئۇنىڭغا خىيانەتچى ئۇنسۇر دېگەن تامغا بېسىلغان.

تامغىسىز

  • تامغىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تامغىسى يوق، تامغا تۇتمىغان:[مىسال:] تامغىسىز باشلىقمۇ بولامدۇ، دېدى بوۋاي سەل نارازى بولۇپ، باشلىقنىڭ باشلىقلىقى تامغا بىلەن[يەشمىسى:] ② تامغا بېسىلمىغان، تامغا ئىزى يوق:[مىسال:] تامغىسىز ھۆججەت. تامغىسىز مال.

تامغىلاتماق

  • تامغىلاتماق[يەشمىسى:] «تامغىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شەخسىي قاسساپلار ھەر قېتىم سويغان قوي، كالا گۆشلىرىنى تامغىلاتقاندىن كېيىن دۇكانغا سېلىپ ساتىدۇ.

تامغىلاشماق

  • تامغىلاشماق[يەشمىسى:] «تامغىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تامغىلانماق

  • تامغىلانماق[يەشمىسى:] «تامغىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تامغىلىق

  • تامغىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تامغىسى بار، تامغا بېسىلغان:[مىسال:] تامغىلىق مال يوقالماس (ماقال).

تامغىلىماق

  • تامغىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تامغا باسماق، تامغا ئۇرماق، تامغا قويماق.

تاملىق

  • تاملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېمى بار، تام بىلەن قورشالغان:[مىسال:] ئەسكى تاملىق قورۇ.

تامماق

  • تامماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىم-تىم قىلىپ ئېقىپ چۈشمەك، تېمىماق:[مىسال:] ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ، كۆڭلىدىن زەھەر تامىدۇ (ماقال).

تاموژنا

  • تاموژنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>سودا<[يەشمىسى:] دۆلەت چېگرىسىدىن كىرىپ-چىقىۋاتقان بارلىق تاۋار ۋە ماددىي بۇيۇملارنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە ئۇلاردىن قائىدە-تەرتىپ بويىچە باج ئېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان دۆلەت ئورگىنى.

تاموژنىچى

  • تاموژنىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاموژنا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچى، تاموژنا خادىمى.

تانا

  • تانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① ئومۇمەن پاختا، چىگە، يۇڭ قاتارلىقلاردىن يىپ ئېشىپ ئېتىلگەن ئىنچىكە ئارغامچا:[مىسال:] ئۇ يۇغان كىرلارنى تالادىكى تانىغا يايدى.[يەشمىسى:] ② يىپ ئېگىرىدىغان چاق قانىتىنىڭ ئايلىنىشى ئارقىلىق يىكنى ئايلاندۇرىدىغان ئېشىلگەن بۆز يىپ ياكى كىرىچ.

تاناب

  • تاناب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يەر ئۆلچەش، قىر-ئېرىقلارنى رۇسلاش، سىزىق چۈشۈرۈش ئۈچۈن تارتىلىدىغان، پاختا ياكى چېگىدىن ئىنچىكە ئېشىلگەن تانا.

تانابىنى تارتماق

  • تانابىنى تارتماق [يەشمىسى:] ① راسا كېلىشتۈرۈپ ئەدەپلىمەك، ئەدىپىنى بەرمەك:[مىسال:] ئەلۋەتتە بىشىردەكلەرنى باشقۇرۇش كېرەك، چەكلەش كېرەك. تانابىنى تارتىش كېرەك[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ كۆڭۈلدىكىدەك قىلماق:[مىسال:] ئۇ ئۇسسۇل دېگەننىڭ تانابىنى تارتىۋېتەتتى. چاقچاق، ئويۇن-كۈلكىدىن قالمايتتى.

تانابلىماق

  • تانابلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تاناب بىلەن ئۆلچىمەك.

تاناسىپ

  • تاناسىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئىككى نىسبەتنىڭ تەڭلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئىپادە.

تاناسىپلىق

  • تاناسىپلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاناسىپ ئۇسۇلى بىلەن يېشىلىدىغان:[مىسال:] تاناسىپلىق مەسىلە.

تاناي

  • تاناي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سۇ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قىلىنغان نور ياكى ئۈستى يېپىق ئېرىق.

تاناسىل

  • تاناسىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىئولوگىيىلىك جىنسقا ئائىت، جىنسىي:[مىسال:] تاناسىل ئەزا.

تانتال

  • تانتال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى . Ta (tantalum) كۈمۈش رەڭدە بولىدۇ، ئۇلترا ئېلېكتر ئۆتكۈزۈشچانلىققا (-862.8℃تا) ۋە سوزۇلۇشچانلىققا ئىگە. تانتالنىڭ ئادەم تېنىدىكى توقۇلمىلارغا نىسبەتەن قوزغىتىش تەسىرى يوق، شۇڭا مېدىتسىنادا بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، نېپىز ياپراق ياكى ئىنچىكە يىپ ئىشلىنىپ، بۇزۇلغان توقۇلمىلار يامىلىدۇ.

تاندۇرماق

  • تاندۇرماق[يەشمىسى:] «تانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ نەزىرىدە ساۋۇرنىڭ يېزىدىن مېھرىنى ئۈزۈۋەتكەن، ئانىدىنمۇ تاندۇرغان نەرسە مۇشۇ ھەشەمەتلىك شەھەر ئىدى.

تاندۇرۇشماق

  • تاندۇرۇشماق[يەشمىسى:] «تاندۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تاندۇرۇلماق

  • تاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تانسا

  • تانسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① ياۋروپاچە بىر خىل ئاممىۋى ئۇسسۇل. ئەر-ئايال بىرگە ئوينايدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۇسسۇل ئويناش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىلىش:[مىسال:] تانسىغا بارماق. تانسىغا قاتناشماق.

تانسىچى

  • تانسىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تانسىغا ئۇستا، تانسىغا ئامراق ئادەم.

تانسىخانا

  • تانسىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخسۇس تانسا ئويناش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن زال ياكى مەيدان.

تانسىكەش

  • تانسىكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تانسا ئويناشقا بېرىلگەن، تانسىغا ئامراق كىشى.

تانكا

  • تانكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] زەمبىرەك، پىلىموت ۋە ئايلانما توپ مۇنارىسى ئورنىتىلغان زەنجىر تاپانلىق برونېۋىك ئاپتوموبىل. مەخسۇس ئۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

تانكىئاتار

  • تانكىئاتار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تانكا+ئاتار[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] دۈشمەننىڭ تانكا قىسىملىرىغا زەربە بېرىشتە ئىشلىتىلىدىغان، تانكىلارنى ئېتىپ پاچاقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر خىل ئوتتۇرا تىپلىق قورال.

تانكىچى

  • تانكىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تانكا ھەيدىگۈچى كىشى.

تانكىچىلىق

  • تانكىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تانكا ياساش ياكى رېمونت قىلىش كەسپى. ئىشى. [يەشمىسى:] ② تانكا ھەيدەش ئىشى.

تانگو

  • تانگو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىسپانچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ① تانسىنىڭ بىر خىلى. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل تانسا مۇزىكىسى.

تانگېنىس

  • تانگېنىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭدا، خالىغان بىر تال بۇلۇڭنىڭ قارشىسىدىكى تەرەپنىڭ قوشنا تەرەپكە بولغان نىسبىتى شۇ تار بۇلۇڭنىڭ تانگېنىسى دېيىلىدۇ ۋە tg بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

تانماق

  • تانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① قىلمىشىنى، گۇناھ ۋە سەۋەنلىكلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالماي تۇرۇۋالماق، ئىنكار قىلماق:[مىسال:] ئۆلسەڭمۇ راست سۆزلە، چىڭ تۇر مەيداندا، جاننى دەپ مەيداندىن تانغۇچى بولما [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك، يىراقلاشماق، قاچماق:[مىسال:] سەن مەندىن تانغان ئادەم، ئەڭ ياخشىسى، خالتاڭنى ئۆشنەڭگە سېلىپ كۆز ئالدىمدىن يوقال

تاۋⅠ

  • تاۋⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كىشى ئورگانىزمىنىڭ نورمال ھالىتى، ساقلىق؛ مىجەز:[مىسال:] ئاپامنىڭ خېلىدىن بېرى تاۋى يوق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قۇۋۋەت، كۈچ، مادار:[مىسال:] بۇ ئىشنى قىلىشقا تاۋىم يەتمەيدۇ.

تاۋⅡ

  • تاۋⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قىزىقلىق، ھارارەت:[مىسال:] ناننى تونۇرنىڭ سەل تاۋى قايتقاندا، يېقىڭ.

تاۋا

  • تاۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] نان ۋە شۇ خىلدىكى يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، مېتالدىن ياسالغان ۋە تېگى تۈز، يېنى گىرۋەكلىك نەرسە:[مىسال:] تاۋا كاۋاپ تاۋىدا پىشۇرۇلىدۇ.

تاۋابىئات

  • تاۋابىئات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىر ئائىلىگە تەۋە بولغان بارلىق كىشىلەر:[مىسال:] ئائىلە تاۋابىئاتلىرى.

تاۋاپ

  • تاۋاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مۇقەددەس ئورۇنلارغا قىلىنغان زىيارەت:[مىسال:] تاۋاپ قىلماق.

تاۋاپچى

  • تاۋاپچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاۋاپ قىلغۇچى:[مىسال:] تاۋاپچىلار يېشىل گۈمبەزنى بويلاپ، يۈرۈشەتتى كۈلۈشۈپ ياكى يىغلاپ.

تاۋاپگاھ

  • تاۋاپگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] تاۋاپ قىلىنىدىغان، تەۋەررۈك ھېسابلانغان ئورۇن، جاي.

تاۋار

  • تاۋار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] ① ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان ئەمگەك مەھسۇلاتى. [يەشمىسى:] ② فابرىكىدا توقۇلغان، تېگى بىلەن گۈللىرىنىڭ رەڭگى ئوخشاش بولغان يىپەك گەزلىمە؛ رەخت.

تاۋار-تورقا

  • تاۋار-تورقا[يەشمىسى:] تاۋار ۋە شۇ خىلدىكى گەزلىمىلەر:[مىسال:] تويغا بارساڭ تويۇپ بار، تاۋار-تورقا كىيىپ بار (ماقال).

تاۋار-دۇردۇن

  • تاۋار-دۇردۇن[يەشمىسى:] تاۋار ۋە دۇردۇن.

تاۋارگۈل

  • تاۋارگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «لەيلىگۈل»گە قاراڭ.

تاۋارلاشتۇرماق

  • تاۋارلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «تاۋارلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھۆكۈمەت يېقىندىن بېرى ئولتۇراق ئۆيلەرنى تاۋارلاشتۇرۇشنى يولغا قويدى.

تاۋارلاشتۇرۇشماق

  • تاۋارلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «تاۋارلاشتۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تاۋارلاشتۇرۇلماق

  • تاۋارلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تاۋارلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تاۋارلاشماق

  • تاۋارلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تاۋار خاراكتېرىنى يەنى ئالماشتۇرۇلۇش ۋە سېتىلىش خاراكتېرىنى ئالماق، تاۋارغا ئايلانماق:[مىسال:] ئىشچى-خىزمەتچىلەر تاۋارلاشقان ئۆيلەرنى سېتىۋېلىشقا باشلىدى.

تاۋاقⅠ

  • تاۋاقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ياغاچتىن ئويۇپ، قىرىپ ياسالغان تەخسە شەكىللىك قاچا، ئاياق. [يەشمىسى:] ② ھەر خىل لېگەنلەر:[مىسال:] چىنە تاۋاق. تۈنىكە تاۋاق.

تاۋاق قىلماق

  • تاۋاق قىلماق[يەشمىسى:] بىركىمنىڭ مۇسىبەتلىك بولغانلىقى ياكى بىرەر چوڭراق ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن ھال سوراش، تەبرىكلەش يۈزىسىدىن تاماق ئېتىپ ياكى باشقا يېمەكلىكلەرنى داستىخانغا يۆگەپ ئېلىپ بارماق.

تاۋىقىغا توپا چۈشمەك

  • تاۋىقىغا توپا چۈشمەك[يەشمىسى:] بازىرى كاساتلاشماق.

تاۋاقⅡ

  • تاۋاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تاختا:[مىسال:] باسما تاۋاق.

تاۋاق-تاۋاق

  • تاۋاق-تاۋاق[يەشمىسى:] بىرنەچچە تاۋاق، نۇرغۇن تاۋاق:[مىسال:] ئۇلار ئاش دېگەننى تاۋاق-تاۋاققا ئۇسۇپ، زەمبىلگە سېلىپ توشۇپ، جامائەتكە قويغىلى تۇردى.

تاۋاقچى

  • تاۋاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاۋاق ياسايدىغان كىشى.

تاۋاقچىلىق

  • تاۋاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاۋاق ياساش ئىشى، كەسپى.

تاۋكا

  • تاۋكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىمار ئويناش ئۈچۈن تەييارلانغان مەيدان؛ سورۇن.

تاۋكاچى

  • تاۋكاچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاۋكانى ئۇيۇشتۇرغۇچى.

تاۋلاتماق

  • تاۋلاتماق[يەشمىسى:] «تاۋلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تاۋلاشماق

  • تاۋلاشماق[يەشمىسى:] «تاۋلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تۆمۈر تاۋلىشىۋاتقان تۆمۈرچىلەر ئىشلىرىنى توختىتىشتى.

تاۋلانماق

  • تاۋلانماق[يەشمىسى:] ① «تاۋلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② يالتىرىماق، پارقىرىماق:[مىسال:] ئۇ بولۇق بۇغدايلارنىڭ ئاپتاپتا ئالتۇندەك تاۋلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.

تاۋلىق

  • تاۋلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاۋى بار، تاۋى كەتمىگەن، قىزىق:[مىسال:] تاۋلىق چاي.

تاۋلىماق

  • تاۋلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① قاتتىق قىزدۇرماق؛ قاتتىق قىزىتىش ئارقىلىق چىڭىتماق ياكى ساپلاشتۇرماق:[مىسال:] ياخشى تاۋلانمىغان تۆمۈر ئۇلىسا تۇتمايدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چېنىقتۇرماق، يېتىلدۈرمەك:[مىسال:] بۇ پائالىيەت ئۇلارنى تاۋلاپ چېنىقتۇرماقتا، مۇستەھكەم ئىرادىلىك كىشىلەر قىلىپ يېتىشتۈرمەكتە ئىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پارقىراتماق:[مىسال:] شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئاق تېرەكلەرنىڭ ئۇچىلىرىنى قىزغۇچ مىس رەڭگىدە تاۋلىماقتا.

تاۋۇت

  • تاۋۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆلگەن ئۆلۈكنى دەپنە قىلىشتا، يەرلىككە قويۇشتا، جەسەتنى سېلىپ كۆتۈرىدىغان ياغاچ ياكى تۆمۈردىن ياسالغان قۇرۇلما؛ جىنازا.

تاۋۇتلۇق

  • تاۋۇتلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاۋۇت كۆتۈرگەن، تاۋۇت كۆتۈرۈپ ماڭغان:[مىسال:] ئۆي-ئۆيلەردىن چىققان قېرى-ياش ھەممە كىشى ھېلىقى تاۋۇتلۇق كىشىلەرگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ داد-پەريادلىرىغا قوشۇلۇشقا باشلىدى.

تاۋۇز

  • تاۋۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پېلەك تاشلاپ ئۆسىدۇ؛ مېۋىسى چوڭ تېپتىكى شىرنىلىك مېۋە بولۇپ شار ياكى ئېللىپس شەكلىدە كېلىدۇ، سۇ مىقدارى كۆپ، تەمى تاتلىق بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

تاۋۇزى قولتۇقىدىن چۈشۈپ كەتمەك

  • تاۋۇزى قولتۇقىدىن چۈشۈپ كەتمەك[يەشمىسى:] كۆزلىگەن مەقسەت ۋە غەرەزلىرى ئىشقا ئاشماي بىكار چىقماق، مەغلۇپ بولماق.

تاۋۇزەك

  • تاۋۇزەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] لەيلىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقىنىڭ كۆرۈنۈشى تاۋۇز يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ؛ گۈلى سۇس سېرىق، تۈۋى سۆسۈن رەڭ كېلىدۇ؛ پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، رېماتىزمنى داۋالاش، يۆتەل توختىتىش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش رولى بار.

تاۋۇزلۇق

  • تاۋۇزلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاۋۇز تېرىلغان يەر.

تاۋۇش

  • تاۋۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] مېخانىكىلىق تەۋرىنىشلەر نەتىجىسىدە ھاسىل بولىدىغان دولقۇننىڭ ئاڭلاش سەزگۈسىگە تەسىر قىلىشى ئارقىسىدا پەيدا بولىدىغان ھەر خىل ئاۋاز؛ سادا:[مىسال:] ئاياغ تاۋۇشى. تاۋۇش چىقارماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تەلەپپۇزدا، سۆزنىڭ ئەڭ كىچىك ئېلېمېنتى:[مىسال:] جاراڭلىق تاۋۇش. قوۋۇز تاۋۇشى.

تاۋۇش ئېلېمېنتى

  • تاۋۇش ئېلېمېنتى[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تىل تاۋۇشلىرىدىكى بۆلەكلەرگە قايتا بۆلگىلى بولمايدىغان ئەڭ كىچىك بىرلىك.

تاۋۇشسىز

  • تاۋۇشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تاۋۇشى يوق، تاۋۇش چىقارماي.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] تاۋۇش ھاسىل قىلمايدىغان:[مىسال:] تاۋۇشسىز دولقۇنلار.

تاۋۇشلۇق

  • تاۋۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تاۋۇشى بار، تاۋۇش چىقارغان.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] تاۋۇش ھاسىل قىلىدىغان:[مىسال:] تاۋۇشلۇق دولقۇنلار.

تاۋۇشلۇق يېزىق

  • تاۋۇشلۇق يېزىق[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] بىر خىل ئېلىپبەلىك يېزىق. ئۇنىڭ ھەرپلىرى تىلدىكى تاۋۇش ئېلېمېنتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، رۇس، ئىنگلىز، ئۇيغۇر يېزىقلىرىغا ئوخشاش.

تاۋىدا

  • تاۋىدا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھەددىدە، چاغلاپ؛ نورمال:[مىسال:] ھەر ئىش تاۋىدا بولغىنى ياخشى، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتسە بولمايدۇ.

تاۋىدان

  • تاۋىدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشىكنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان كىچىك دېرىزە، كۆزنەك.

تاۋىماق

  • تاۋىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تەڭ كۆرمەك.

تائىپە

  • تائىپە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاھالە تەبىقىسى، گۇرۇپپىسى:[مىسال:] قول ھۈنەرۋەنلەر تائىپىسى. سودىگەرلەر تائىپىسى.

تايⅠ

  • تايⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاتنىڭ ئىككى ياشقا تولمىغان بالىسى.

تايⅡ

  • تايⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] چوڭ-چوڭ باغلام قىلىپ، چىڭداپ تېڭىلغان مال:[مىسال:] بىر تاي پاختا.

تاياق

  • تاياق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دەرەخ شېخىدىن كېسىلگەن كالتەكچە:[مىسال:] تاياق بىلەن ئۇرماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كالتەك، مۇشتلارنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن بېرىلگەن زەربە:[مىسال:] تاياق يېمەك. * ئايدا كەلگەنگە ئاياغ، كۈندە كەلگەنگە تاياق (ماقال).

تاياق-توقماق

  • تاياق-توقماق[يەشمىسى:] تاياق ھەم توقماق:[مىسال:] مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قوللىرىغا تاياق-توقماق، پالتا-كەتمەن ئېلىپ توپلىشىپ شەھەر ئىچىگە قاراپ ماڭدۇق.

تاياقچە

  • تاياقچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك ھەم قىسقىراق تاياق.

تاياقچى

  • تاياقچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەدېگەندىلا تاياق كۆتۈرىدىغان، تاياق سېلىشنى ئادەت قىلىۋالغان:[مىسال:] ئۇنىڭ ئېرى بەك تاياقچى.

تاياق-دۇمبا

  • تاياق-دۇمبا[يەشمىسى:] تاياق ۋە ياكى شۇ خىلدىكى قوراللار ئارقىلىق بېرىلگەن زەربە:[مىسال:] تاياق-دۇمبا يېمەك.

تاياقسىمان

  • تاياقسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاياققا ئوخشاش، تاياقتەك.

تاياقۋاز

  • تاياقۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاياقنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئوينايدىغان تەنھەرىكەتچى.

تاياقۋازلىق

  • تاياقۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] تاياقنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئويناش تەنھەرىكىتى.

تايانچ

  • تايانچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تايىنىدىغان، ياردەمدە بولىدىغان كۈچ:[مىسال:] ئىشلەپچىقىرىش تايانچلىرى.∥ تايانچ بازا.

تايانچسىز

  • تايانچسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تايانچى يوق، تايانچى بولمىغان:[مىسال:] تايانچسىز قالماق.

تايانچلىق

  • تايانچلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تايانچ بولىدىغان، ئاساسلىق رول ئوينايدىغان:[مىسال:] تايانچلىق رول.

تايانچۇق

  • تايانچۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تايىنىدىغان نەرسە، يۆلەنچۈك:[مىسال:] رىزۋان ئۇشتۇمتۇت ساپا تايانچۇقىنى تۇتۇپ، بېشىنى كۆتۈردى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ياردەمچى، يار-يۆلەك، ھىمايە:[مىسال:] مەن تايانچۇق بار جايدا مۇستەھكەملەشتۈرۈش تەرەپدارىمەن ئېھتىياتچانلىق تەرەپدارىمەن

تايانماق

  • تايانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى تىرەك، يۆلەك قىلماق، ئۇنىڭغا تىرىلىپ، يۆلىنىپ تۇرماق ياكى ماڭماق:[مىسال:] ياتقان ئورنىڭدىن تايىنىپ قوپما (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىرەر مەقسەت ۋە نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بىرەر نەرسىنى مەنبە، تايانچ، ئاساس قىلماق، ئۇنىڭغا يۆلەنمەك:[مىسال:] ئاممىغا تولۇق تايانغاندىلا، ئىنقىلابتا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.

تايتاڭ

  • تايتاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزىنى ھەر تەرەپكە تاشلاپ، ئىرغاڭلاپ ماڭىدىغان:[مىسال:] تايتاڭ بالا.

تايتاڭ-تايتاڭ

  • تايتاڭ-تايتاڭ[يەشمىسى:] «تايتاڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

تايتاڭلاتماق

  • تايتاڭلاتماق[يەشمىسى:] «تايتاڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بالىسىنى تايتاڭلاتقان پېتى قولىدىن تۇتۇپ سۆرەپ ماڭدى.

تايتاڭلاشماق

  • تايتاڭلاشماق[يەشمىسى:] «تايتاڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يەسلىدىكى بالىلار يەسلىنىڭ ئىشىكىدىن تايتاڭلىشىپ يۈگۈرگىنىچە مەيدانغا چىقتى.

تايتاڭلىماق

  • تايتاڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزىنى ھەر تەرەپكە تاشلاپ، ئىرغاڭلاپ ماڭماق:[مىسال:] موماي خۇددى كىچىك بالىدەك تايتاڭلاپ ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى.

تايچاق

  • تايچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېخى يېتىلمىگەن كىچىك تاي.

تايدۇرماق

  • تايدۇرماق[يەشمىسى:] «تايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قېنى يامان بولساڭ، سەن بىزنى توغرا يولدىن تايدۇرۇپ باق

تايدۇرۇشماق

  • تايدۇرۇشماق[يەشمىسى:] «تايدۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تايدۇرۇلماق

  • تايدۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تايدۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تايغاق

  • تايغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسان تېيىلىپ كېتىدىغان؛ تېيىلغان:[مىسال:] ئات ئورۇق، يول تايغاق، يۈك ئېغىر، مەنزىل يىراق (ماقال).

تايغان

  • تايغان[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئىتنىڭ بىر خىلى. بېلى ئىنچىكە، پاچىقى ئۇزۇن ۋە يۈگۈرۈك كېلىدۇ؛ ئادەتتە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ۋە ئوۋغا ئىشلىتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تىۋىتى، تۈكى، مويى پەس:[مىسال:] تايغان تېرە.

تايلاتماق

  • تايلاتماق[يەشمىسى:] «تايلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] زاۋۇتتىن ئالغان گەزمالنى تايلىتىپ تەييارلاپ قويدۇق.

تايلاشماق

  • تايلاشماق[يەشمىسى:] «تايلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تايلاق

  • تايلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆگىنىڭ ئىككى ياشقا تولمىغان بالىسى.

تايلاقلىقⅠ

  • تايلاقلىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تايلىقى بار؛ تايلىقىنى ئەگەشتۈرۈۋالغان:[مىسال:] تايلاقلىق تۆگە.

تايلاقلىقⅡ

  • تايلاقلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تايلاپ قويۇلغان، تايلانغان:[مىسال:] شاۋۇدىن يەنە تايلاقلىق پاختىلار بىلەن ھەپىلىشىۋاتاتتى.

تايلانماق

  • تايلانماق[يەشمىسى:] «تايلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تايلىقⅠ

  • تايلىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېيى بار، تاي ئەگەشتۈرگەن:[مىسال:] تايلىق بايتال.

تايلىقⅡ

  • تايلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تايلاپ قويۇلغان، تايلانغان:[مىسال:] ئۇ تايلىق پاختىلارنى دېرىزىدىن ھالقىتىپ سىرتقا تاشلاشقا باشلىدى.

تايلىماق

  • تايلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تاي ھالەتكە كەلتۈرۈپ تاڭماق، تاي قىلماق:[مىسال:] ئۇ يۈك-تاقلىرىنى رەت-رېتى بىلەن تايلاپ، ھويلىغا دۆۋىلىدى.

تايماق

  • تايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سىلىق، تېيىلغاق يەردە سىيرىلىپ، تېيىلىپ كەتمەك؛ تېيىلماق:[مىسال:] بېشىم قايغان، پۇتۇم تايغان تەرەپكە كېتىۋاتىمەن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېنىۋالماق؛ قايتماق، يالتايماق:[مىسال:] توغرا يولدىن ئېزىقما، نامراتلىقتا خارلىق تارتساڭمۇ ئىرادەڭدىن تايما.[يەشمىسى:] ③ ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتمەك، چىقىپ كەتمەك:[مىسال:] ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تېيىپتۇ (ماقال).

تايىن

  • تايىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئېنىق، مۇئەييەن، مۇقىم:[مىسال:] ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن (ماقال).[يەشمىسى:] ② تەييار، ھازىر، تەخ:[مىسال:] تايىن بولماق.

تايىنى بار

  • تايىنى بار[يەشمىسى:] كارغا كېلىدىغان، ھېسابقا ئالغىلى بولىدىغان، كۆزگە ئېلىنىدىغان، تۇتامغا چىقىدىغان:[مىسال:] تايىنى بار گەپ.

تايىنى يوق

  • تايىنى يوق[يەشمىسى:] كارغا كەلمەيدىغان، ھېسابقا ئالغىلى بولمايدىغان، كۆزگە ئېلىنمايدىغان، تۇتامغا چىقمايدىغان، چاغلىق:[مىسال:] بۇ موللامنىڭ بىلىمىنىڭ تايىنى يوق ئىكەن.

تايىنچا

  • تايىنچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كالىنىڭ ئىككى ياشقا تولمىغان تورپىقى.

تايىنسىز

  • تايىنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تايىنى يوق، تايىن تاپمىغان، ئېنىقسىز.

تايىنسىزلىق

  • تايىنسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دېلىغۇللۇق، ئىككىلىنىش، بىر قارارغا كېلەلمەسلىك.

تايىنلىق

  • تايىنلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەلگىلىك، ئېنىق، ئايدىڭ:[مىسال:] كۆڭۈلگە تايىنلىق بولغاندىكىن بولدى ئەمەسمۇ[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] «ئېھتىمال» دېگەن مەنىدە قىستۇرما سۆز رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] توپ سېنىڭ ئەمەس، مەكتەپنىڭ، ئوغرىلاپ ئەكەلگەنسەن تايىنلىق، دېدى مۆمىن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىر يولىلا، بىراقلا:[مىسال:] يالغان ئېيتىپ يۈرگىچە، تايىنلىق توي قىلىۋالاي، رۇخسەت بەرگىن دېسەڭ بولمامدۇ[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، چوڭ ئەمەس؛ چاغلىق:[مىسال:] نومۇر پەرقىمۇ تايىنلىقلا ئىكەنغۇ

تايىنىلماق

  • تايىنىلماق[يەشمىسى:] «تايانماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەئەججۈپ

  • تەئەججۈپ[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەجەبلىنىش، ھەيرانلىق:[مىسال:] تەئەججۈپتە قالماق. * ئۇ تەئەججۈپ ئىچىدە بېشىنى ئالىقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ قاتتىق قىستى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] قىزىق، ئەجەب:[مىسال:] تەئەججۈپ ھازىرلا بار نەرسە بىردەمدىلا يوقالدى-ھە

تەئەججۈپلەندۈرمەك

  • تەئەججۈپلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «تەئەججۈپلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ گىرىمى كىشىلەرنى تەئەججۈپلەندۈرگەنىدى.

تەئەججۈپلەندۈرۈلمەك

  • تەئەججۈپلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «تەئەججۈپلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەئەججۈپلەنمەك

  • تەئەججۈپلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەئەججۈپتە قالماق، ھەيران قالماق، ئەجەبلەنمەك:[مىسال:] سادىق ماشىنىغا بىرئاز تەئەججۈپلىنىپ قاراپ قويدى.

تەئەججۈپلىنەرلىك

  • تەئەججۈپلىنەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىنى تەئەججۈپلەندۈرىدىغان، ھەيران قالدۇرىدىغان، ئەجەبلىنەرلىك:[مىسال:] تەئەججۈپلىنەرلىك ئىش. تەئەججۈپلىنەرلىك ھادىسە.

تەئەججۈپلۈك

  • تەئەججۈپلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەيرانلىق، تەئەججۈپلەنگەن ھالەت:[مىسال:] ئۇنىڭ يۇمىلاق قوي كۆزلىرىدىن بىر خىل تەئەججۈپلۈك چىقىپ تۇراتتى.

تەئەججۈپلىنىشمەك

  • تەئەججۈپلىنىشمەك[يەشمىسى:] «تەئەججۈپلەنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىز ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن بىرئاز تەئەججۈپلىنىشتۇق.

تەئەددى

  • تەئەددى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاچچىق، دوق، ھەيۋە؛ زەھەرخەندىلىك:[مىسال:] بۇ ئاچچىق كىنايە ۋە تەئەددىدىن ئابدۇراخمان داموللامنىڭ قويۇق قاشلىرى تۈرۈلۈپ كەتتى.

تەئەسسۇپ

  • تەئەسسۇپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئېچىنىش؛ ئەپسۇس:[مىسال:] ئەسلىدە قامغاق ئىكەن، ھەي، مەن كۆڭۈل بەرگەن ئۇ گۈل. مىڭ تەئەسسۇپ گۈل كۆرۈپ قامغاققا بەرگەنگە كۆڭۈل.

تەئەللۇق

  • تەئەللۇق[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] تەۋە، مەنسۇپ، ئىگىدارچىلىقىدا؛ قاراشلىق:[مىسال:] بۇ ئىشلار بىزگە تەئەللۇق ئەمەس.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىركىمگە مەنسۇپ، تەۋە بولغان مال-مۈلۈك، نەرسە-كېرەك:[مىسال:] بىز مۇنچىلىك ئىشنى ئەپلىيەلمىسەك، شۇنچە تەئەللۇقنى قانداق تاپتۇق.

تەئەللۇقات

  • تەئەللۇقات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىركىمگە مەنسۇپ، قاراشلىق، تېگىشلىك بولغان مال-مۈلۈك، نەرسە-كېرەك:[مىسال:] خالىقنىڭ ئەكبەر بىلەن بارلىق تەئەللۇقاتىنى دو چىقىپ ئېلىشقان چاغلىرىمۇ بولغان.

تەبەر

  • تەبەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ئايپالتىغا ئوخشايدىغان قەدىمكى ئۇرۇش قوراللىرىنىڭ بىر خىلى.

تەبەسسۇم

  • تەبەسسۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كۈلۈمسىرىگەن ھالەت؛ كۈلۈمسىرەش:[مىسال:] تەبەسسۇم قىلماق.

تەبرىك

  • تەبرىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قۇتلۇقلاش، مۇبارەكلەش:[مىسال:] قەھرىمانلار سەھنىگە چىققاندىن كېيىن، ئولتۇرغانلار قىزغىن ئالقىش ئارقىلىق تەبرىك ۋە ئېھتىراملىرىنى ئىپادىلىدى. ∥تەبرىك خەت. تەبرىك سۆز.

تەبرىكلەشمەك

  • تەبرىكلەشمەك[يەشمىسى:] «تەبرىكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەبرىكلەنمەك

  • تەبرىكلەنمەك[يەشمىسى:] «تەبرىكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەبرىكلىمەك

  • تەبرىكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قۇتلۇقلىماق، مۇبارەكلىمەك:[مىسال:] ئانار ئۇنى ئالاھىدە تەبرىكلىدى.

تەبرىكنامە

  • تەبرىكنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] تەبرىك سۆزلىرى يېزىلغان مەكتۇپ، تەبرىك خېتى:[مىسال:] تەبرىكنامە يازماق.

تەبىئەت

  • تەبىئەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئالەمدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى، بارلىق مەۋجۇدات:[مىسال:] تەبىئەت دۇنياسى. تەبىئەت ھادىسىلىرى.[يەشمىسى:] ② تەبىئەتتىكى يەر، سۇ، تاغ، ئورمان ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ مەنزىرىسى:[مىسال:] تەبىئەت ھۆسنىگە جان كىرگۈزگەن يامغۇر تامچىلىرى گويا ئاسما ئوكۇلنىڭ ئەينەك نەيچىسىدىكى تامچىغا ئوخشايتتى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ماددىنىڭ تىرىك ئورگانىزمغا كىرگەندىن كېيىنكى ئىسسىقلىق ياكى سوغۇقلۇق، ھۆللۈك ياكى قۇرۇقلۇق تەسىرى:[مىسال:] بۇ دورىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل.[يەشمىسى:] ④ روھىي ھالەت، تۇرق، كەيپىيات، مىجەز:[مىسال:] ئۇلارنىڭ تەبىئەتلىرى بىرئاز قوپال بولسىمۇ، لېكىن ئەزىمەت يىگىتلەر.

تەبىئەتشۇناس

  • تەبىئەتشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] تەبىئەت مۇتەخەسسىسى، تەبىئەتنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىم.

تەبىئەتشۇناسلىق

  • تەبىئەتشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەبىئەت ھادىسىلىرى ۋە قانۇنىيەتلىرى توغرىسىدىكى ئىلىم، پەن.

تەبىئەتلىك

  • تەبىئەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خاراكتېر، خۇلق-مىجەز ياكى خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان:[مىسال:] ئېغىر تەبىئەتلىك بۇ ياش چوكانمۇ ئۆزىنى باسالماي ئىختىيارسىز كۈلۈمسىرىدى.

تەبىر

  • تەبىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ياكى بىرەر ئۇقۇمغا بېرىلگەن چۈشەنچە، ئىزاھ.[يەشمىسى:] ② مەلۇم بىر تەسىرگە ئاساسەن بېرىلگەن خەۋەر، بېشارەت:[مىسال:] چۈشكە تەبىر بەرمەك.

تەبىرچى

  • تەبىرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەبىر بەرگۈچى، تەبىر ئېيتقۇچى.

تەبىرنامە

  • تەبىرنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] چۈشلەرگە بېرىلگەن تەبىر ھەققىدىكى كىتاب:[مىسال:] تەبىرنامە يازماق.

تەبىقە

  • تەبىقە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئورۇنلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئارقىسىدا بۆلۈنگەن قاتلام، جەمئىيەتنىڭ بىر قىسمى، بىر بۆلىكى:[مىسال:] پارتىيىمىز ھەر تەبىقە خەلقى بىلەن بولغان زىچ ئالاقىسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

تەبىقىچىلىك

  • تەبىقىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جەمئىيەت تەبىقىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى، تەرتىپ، قائىدىلىرى ۋە ئۇلارغا ئاساسلانغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت:[مىسال:] فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرا دەۋرى ۋە ئاخىرقى دەۋرىدىمۇ فېئودال ھۆكۈمران سىنىپلار فېئوداللىق تەبىقىچىلىك تۈزۈمىنى ئاۋۋالقىدەكلا ساقلاپ قالدى.

تەبىقىلەنمەك

  • تەبىقىلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەبىقىلەرگە بۆلۈنمەك، تەبىقىلەرگە ئايرىلماق.

تەبىقىلىك

  • تەبىقىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەبىقىسى بار، تەبىقىگە مەنسۇپ:[مىسال:] بارلىق تەبىقىلىك ۋە تۇراقلىق نەرسىلەر تۇماندەك تارقاپ كەتتى.

تەبىئىي

  • تەبىئىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تەبىئەتكە، ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەتكە ئائىت، تەبىئەتتە بار بولغان؛ ئەسلىدىن بار، ھەقىقىي:[مىسال:] تەبىئىي پەن. تەبىئىي ئورمان.[يەشمىسى:] ② كىشىلەرنىڭ تەبىئىتىگە خاس، ياسالما ئەمەس؛ ئەينى، چىن:[مىسال:] سەن ھاشىر تارتىنما، مېنىڭ ئۆيۈمدە ئۆزۈڭنى ئازادە تۇت، ئەلا تەبئىي ئولتۇرۇۋاتىدۇ، سەن نېمىشقىدۇر قورۇنۇۋاتىسەن.[يەشمىسى:] ③ مۇقەررەر، جەزمەن، شۈبھىسىز:[مىسال:] بۇ مەزگىلدە ئۇ باشقىلارغا زىيان سېلىپلا يۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇمۇ باشقىلارنىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى تەبىئىي ئىدى.

تەبىئىي پەن

  • تەبىئىي پەن[يەشمىسى:] تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۈرلۈك ماددىلار ۋە ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەنلەر. ئادەتتە فىزىكا، خىمىيە، زوئولوگىيە، بوتانىكا، مىنېرالوگىيە، فىزىئولوگىيە، ماتېماتىكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تەبىئىي سان

  • تەبىئىي سان[يەشمىسى:] جىسىمنىڭ سانىنى ئىپادىلەيدىغان 1، 2، 3، 4 قاتارلىق سانلار. «ناتۇرال سان» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تەبىئىيلىك

  • تەبىئىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەقىقىيلىق، چىنلىق، راستلىق.

تەپⅠ

  • تەپⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئادەملەردە بولىدىغان تۈرلۈك قىزىتمىلارنىڭ ئومۇمىي نامى.

تەپⅡ

  • تەپⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «تارتماق» ياردەمچى پېئىلى بىلەن كېلىپ، «بىركىمنىڭ ئالدىدا بىرەر ئىش ياكى بىرەر گەپ-سۆزقىلىشتىن تارتىنماق؛ ئەيمەنمەك؛ قورقماق» مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىلالىدىن ئاخۇنۇم مەقسىتىنى يالىڭاچلا ئوتتۇرىغا قويۇشتىن تەپ تارتىپ قالدى.

تەپەككۇر

  • تەپەككۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئادەم مېڭىسىنىڭ رېئاللىقنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىنكاس قىلىشى؛ ئوبيېكتىپ ۋەقەلىك ھەققىدىكى چۈشەنچە، تەسەۋۋۇر:[مىسال:] سىلەر ئوبرازلىق تەپەككۇر بىلەن شۇغۇللىنىسىلەر، بىز مەنتىقىي تەپەككۇر بىلەن شۇغۇللىنىمىز.[يەشمىسى:] ② پىكىر يۈرگۈزۈش، مۇھاكىمە؛ ئويلاش، خىيال:[مىسال:] مېڭىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قىسمى زەخىملەنسە، تەپەككۇر قۇۋۋىتىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلىدۇ.

تەپت

  • تەپت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىسسىق، ھارارەت:[مىسال:] قۇياشنىڭ تەپتى. * لاۋىلداپ يېنىۋاتقان ئوتنىڭ تەپتى قىزنىڭ بەدىنىگە راھەت بېغىشلىدى.

تەپتۈرمەك

  • تەپتۈرمەك[يەشمىسى:] «تەپمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] خامان تەپتۈرمەك. ئاتقا تەپتۈرمەك.

تەپتىش

  • تەپتىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش، تەرگەۋ:[مىسال:] تەپتىش قىلماق.[يەشمىسى:] ② تەپتىش خىزمىتىنى ئىشلىگۈچى خادىم:[مىسال:] باش تەپتىش دەررۇ قوشۇلۇپ ئەسلەش خاتىرىسىگە ئىمزاسىنى قويدى.

تەپچە

  • تەپچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېۋەزنىڭ غوزىسى تېرىلىپ، يوپۇرماقلىرى چۈشۈپ بولغاندىن كېيىنكى ئېتىزدا قېلىپ قالغان شادىسى.

تەپچىتمەكⅠ

  • تەپچىتمەكⅠ[يەشمىسى:] «تەپچىمەكⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەپچىتمەكⅡ

  • تەپچىتمەكⅡ[يەشمىسى:] «تەپچىمەكⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەپچىرىمەك

  • تەپچىرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «تەپچىمەكⅠ»گە قاراڭ:[مىسال:] يارا ئېغىزىدىن قان تەپچىرەپ چىقىۋاتاتتى.

تەپچىشمەك

  • تەپچىشمەك[يەشمىسى:] «تەپچىمەكⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قىزلار بەس-بەس بىلەن دوپپىغا گۈل تەپچىشتى.

تەپچىك

  • تەپچىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىڭنە بىلەن قولدا تىكىلگەن بىر خىل تىكىش.

تەپچىلمەك

  • تەپچىلمەك[يەشمىسى:] «تەپچىمەكⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەپچىمەكⅠ

  • تەپچىمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تامچىلىماق، سىرغىماق، تامماق:[مىسال:] ئانىنىڭ تىك-تىك كىرپىكلىرى ئارىسىدىن تەپچىپ چىققان خۇشاللىق يېشى بالىنىڭ يۈزىدىن سىرغىپ ياستۇقنى ھۆل قىلىۋەتتى.[يەشمىسى:] ② تېشىغا تەپمەك، كۆبجۈپ چىقماق؛ ئىپادىلەنمەك، بىلىنمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ چىرايىغا قىزىللىق تەپچىدى.

تەپچىمەكⅡ

  • تەپچىمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىكىچلەرنى زىچ ۋە بىر-بىرىگە ئۇلاپ تىكمەك.

تەپرىقە

  • تەپرىقە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بۆلۈنۈش، پارچىلىنىش، ئىتتىپاقسىزلىق؛ ئاداۋەت، مەزھەپچىلىك:[مىسال:] ئۇنىڭ ئويلايدىغىنى — يۇرت ئىچىدە تەپرىقە پەيدا قىلىش، شۇنىڭ بىلەن توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاش ئىدى.

تەپرىقىچى

  • تەپرىقىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەپرىقە پەيدا قىلغۇچى، تەپرىقە بىلەن شۇغۇللانغۇچى:[مىسال:] ئىتتىپاقلىق كۈچەيسە، تەپرىقىچىلەرگە ئورۇن قالمايدۇ.

تەپرىقىچىلىك

  • تەپرىقىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەپرىقە پەيدا قىلىش، تەپرىقە بىلەن شۇغۇللىنىش:[مىسال:] تەپرىقىچىلىككە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.

تەپرىقىۋاز

  • تەپرىقىۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] «تەپرىقىچى»گە قاراڭ.

تەپرىقىۋازلىق

  • تەپرىقىۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «تەپرىقىچىلىك»كە قاراڭ.

تەپسىر

  • تەپسىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەنىسىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش؛ ئىزاھ، شەرھ.[يەشمىسى:] ② [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ مەنىلىرى چۈشەندۈرۈلگەن كىتاب ۋە چۈشەندۈرۈش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلغان ئىلىم:[مىسال:] ئۇ ئىمامنىڭ تەپسىرىگە مەھلىيا بولۇپ، خېلىغىچە جىمجىت ئولتۇردى.

تەپسىرچى

  • تەپسىرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەپسىر قىلغۇچى، تەپسىر ئېيتقۇچى.

تەپسىلات

  • تەپسىلات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تولۇق، مۇكەممەل ۋە تەپسىلىي چۈشەنچە، مەلۇمات:[مىسال:] سورىسىڭىز بۇ قىزنى ئەگەر، سۆزلەپ بېرەي تەپسىلاتىنى. ئۇنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىدىن، بىلىۋېلىڭ ئەسلىي زاتىنى.

تەپسىلىي

  • تەپسىلىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئومۇميۈزلۈك، بىر-بىرلەپ، ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈلگەن:[مىسال:] تەپسىلىي بايان. تەپسىلىي مەلۇمات. ∥مۇھەممەت ئۆزىنىڭ بارلىق پىلانلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

تەپكەⅠ

  • تەپكەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئېتىش قوراللىرىنىڭ ئوق ئۈزۈشتە قول بىلەن باسىدىغان قىسمى. [يەشمىسى:] ② ماشىنا، ۋېلىسىپىت قاتارلىقلارنىڭ پۇت بىلەن ھەرىكەتلەندۈرىدىغان قىسمى. [يەشمىسى:] ③ توقۇمىچىلىقتا ئۆرۈش يىپلارنى گىرەلەشتۈرۈپ تۇرىدىغان ياغاچ سايمان. [يەشمىسى:] ④ باپكارلىقتا پۇت بىلەن دۇكاننى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئىككى تال ياغاچ.

تەپكەⅡ

  • تەپكەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاپقان (تۇزاق) نىڭ ئىككى يانغا كېرىلىدىغان يېرىم ئاي شەكىللىك ئىككى قانىتى؛ تىز.

تەپكەك

  • تەپكەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئالدى-كەينىگە كەلگەننى تېپىدىغان، تېپىشنى ئادەت قىلغان:[مىسال:] تەپكەك ئات.

تەپكۈچ

  • تەپكۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ئويۇنچۇق. مىس داچەن ياكى شۇ چوڭلۇقتىكى ياپىلاق مېتالنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆشۈككە توخۇ پېيى ياكى يۇڭ قىستۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. ئادەتتە يۇقىرىغا تېپىپ ئوينىلىدۇ:[مىسال:] تەپكۈچ ئوينىماق.

تەپكىلىك

  • تەپكىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەپكىسى بار، تەپكە ئورنىتىلغان.

تەپمەⅠ

  • تەپمەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] گۈرەن بېزى ياللۇغى:[مىسال:] تەپمە بولماق. تەپمە كېسەللىكى.

تەپمەⅡ

  • تەپمەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېپىدىغان:[مىسال:] تەپمە چاق.

تەپمە ھالال

  • تەپمە ھالال[يەشمىسى:] ھالال بىلەن ھارامنىڭ ئارىلىقىدا؛ زورلاپ قىلىنغان ھالال:[مىسال:] تەپمە ھالال قىلماق.

تەپمەك

  • تەپمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① پۇت بىلەن زەربە بەرمەك:[مىسال:] ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، پۇت بىلەن دەسسىمەك:[مىسال:] ئەكبەر ۋېلىسىپىتنى ئالدىراش تېپىپ دوقمۇشتىن مەھەللە ئىچىگە قايرىلدى.[يەشمىسى:] ③ يۇمشىتىپ شاكىلىدىن، پوستىدىن ئاجراتماق، دان قىلماق:[مىسال:] خامان تەپمەك.[يەشمىسى:] ④ ئىتتىرمەك (مىلتىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قوراللار ھەققىدە):[مىسال:] بۇ مىلتىق ئوق ئاتقاندا ئارقىغا بەك تېپىدۇ.[يەشمىسى:] ⑤ سىرتىغا ئۆرلەپ چىقماق؛ ئىپادىلەنمەك، سېزىلمەك:[مىسال:] بۇ چاغدا سابىرنىڭ يۈزلىرىدىنمۇ ھاياجان ۋە شادلىق تېشىغا تېپىپ چىققانىدى.

تەپسە تەۋرىمەس

  • تەپسە تەۋرىمەس[يەشمىسى:] ھەر قانداق زۆرۈر ئىشلارغىمۇ ئالدىرىمايدىغان، بىغەم، بىپەرۋا:[مىسال:] قارىسام ھەتتا تەپسە تەۋرىمەس، ئېغىر كارۋان ھېۋىز «دىڭخۇلۇ» مۇ ئاللىقاچان خاڭ ئاستىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ.

تەپىلە

  • تەپىلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تولامچاقنىڭ كودىسىغا يۆگەلگەن مەشۇت يىپلارنى ئارقاق تەييارلاش ئۈچۈن قايتا يۆگەيدىغان چاق.

تەتەي

  • تەتەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>كونا<[يەشمىسى:] خەنزۇ ئەمەلدارلىرىنىڭ خوتۇنى.

تەتبىق

  • تەتبىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ئەمەلىيەتتە قوللىنىش، ئىشلىتىش:[مىسال:] تەتبىق قىلماق.

تەتبىقلاتماق

  • تەتبىقلاتماق[يەشمىسى:] «تەتبىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەتبىقلاشماق

  • تەتبىقلاشماق[يەشمىسى:] «تەتبىقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئۆز تەجرىبىلىرىنى ئەمەلىي خىزمەتكە تەتبىقلاشتى.

تەتبىقلانماق

  • تەتبىقلانماق[يەشمىسى:] «تەتبىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەتبىقلىماق

  • تەتبىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرمەك؛ سىنىماق.

تەتقىق

  • تەتقىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىنچىكە كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، ئىزدىنىش، ئۆگىنىش:[مىسال:] تەتقىق قىلماق.

تەتقىقات

  • تەتقىقات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەتقىق قىلىش ئىشلىرى.

تەتقىقاتچى

  • تەتقىقاتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تەتقىقات ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى، تەتقىق قىلغۇچى. [يەشمىسى:] ② ئىلمىي تەتقىقات ساھەسى بويىچە بېرىلگەن ئالىي ئۇنۋان.

تەتقىقاتچىلىق

  • تەتقىقاتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەتقىقات ئىشلىرى، تەتقىقات كەسپى:[مىسال:] تەتقىقاتچىلىقنى كۈچەيتىش فاڭجېنىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز لازىم.

تەتۈر

  • تەتۈر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ ئالدى تەرىپىگە نىسبەتەن قارىمۇقارشى بولغان؛ كەينى، ئارقا:[مىسال:] تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولدىكى، سادەتخاننىڭ يۈرەك ھەرىكىتى ئاجىز، بالا قورساقتا تەتۈر يېتىپ قالغان.[يەشمىسى:] ② ئوڭ قىلىنىدىغان ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئەكسى:[مىسال:] تەتۈر ئايلانماق. تەتۈر تۇتماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىنىڭ ياكى كۆزلىگەن مەقسەتنىڭ ئەكسى:[مىسال:] ئىش بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزنىڭ تەتۈرى بولۇپ چىقتى.[يەشمىسى:] ④ گەپ يېمەيدىغان، كاج، جاھىل:[مىسال:] ئۇ تۇرۇپلا: بۇ قىز زادى ئوڭمىدۇ ياكى تەتۈر دەيتتى ئۆز-ئۆزىگە.

تەتۈر تاناسىپ

  • تەتۈر تاناسىپ[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئىككى مىقدارنىڭ ئىچىدىكى بىر مىقدار بىرنەچچە ھەسسە چوڭايغاندا (ياكى كىچىكلىگەندە)، ئىككىنچى بىر مىقدار ئۇنىڭ ئەكسىچە شۇنچە ھەسسە كىچىكلىسە (ياكى چوڭايسا)، ئۇ ھالدا بۇ ئىككى مىقدارنىڭ ئۆزگىرىش مۇناسىۋىتى تەتۈر تاناسىپ دېيىلىدۇ.

تەتۈر قارىماق

  • تەتۈر قارىماق[يەشمىسى:] ئاداۋەت ساقلاپ، قېيىداپ، باتناپ يۈرمەك؛ سوغۇق مۇئامىلىدە بولماق:[مىسال:] ئۇ، رامزان ئاكام ئەمدى ماڭا ئۆلگۈدەك تەتۈر قارايدىغان بولدى-دە دېدى.

تەتۈرلۈك

  • تەتۈرلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كاجلىق؛ تەرسالىق:[مىسال:] رېھىم پالۋاننىڭ تەتۈرلۈكىدىن كېلىپ چىققان بۇ كۆڭۈلسىزلىك، ئائىلىدە داۋاملاشقىلى يېرىم سائەتچە بولدى.

تەتۈرىچە

  • تەتۈرىچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① تەتۈر پېتى، تەتۈر ھالەتتە:[مىسال:] تەتۈرىچە يېپىنماق. تەتۈرىچە يىغماق.[يەشمىسى:] ② ئەكسىچە:[مىسال:] بۇ ئىش بىز ئويلىغاننىڭ تەتۈرىچە بولۇپ چىقتى.

تەتىل

  • تەتىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇشنى توختىتىپ دەم ئېلىش ئۈچۈن بېرىلىدىغان ۋاقىت:[مىسال:] تەتىل قىلماق. يازلىق تەتىل.

تەتىللا

  • تەتىللا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆرۈشى ياكى گۈلى زەر يىپتىن، يىپەكتىن توقۇلغان بىر خىل رەخت.

تەتىللىك

  • تەتىللىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەتىل ۋاقتىدا ئورۇندىلىدىغان، تەتىلدە قىلىنىدىغان:[مىسال:] تەتىللىك تاپشۇرۇق.

تەجرىبە

  • تەجرىبە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىجتىمائىي تۇرمۇش جەريانىدا ئۆزلەشتۈرۈلگەن بىلىم، ئىقتىدار، قابىلىيەت:[مىسال:] تەجرىبىسى مول.

تەجرىبە-ساۋاق

  • تەجرىبە-ساۋاق[يەشمىسى:] تەجرىبە ھەم ساۋاق:[مىسال:] تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلىمەك.

تەجرىبىچىلىك

  • تەجرىبىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ھېسسىي تەجرىبىنى بىلىمنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى دەپ قارايدىغان پەلسەپىۋى تەلىمات.

تەجرىبىخانا

  • تەجرىبىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەجرىبە ئۆتكۈزۈلىدىغان، تەجرىبە قىلىنىدىغان ئۆي، جاي.

تەجرىبىسىز

  • تەجرىبىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەجرىبىسى يوق، خام.

تەجرىبىسىزلىك

  • تەجرىبىسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەجرىبىسى يوقلۇق.

تەجرىبىلىك

  • تەجرىبىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەجرىبىسى بار، تەجرىبىگە ئىگە.

تەخ

  • تەخ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەييارلانغان، ھازىرلانغان، تەييار:[مىسال:] تەخ بولماق. تەخ قىلماق. * ئۇ كۈنى بىزدە ھەممە نەرسە تەخ ئىدى.

تەخەللۇس

  • تەخەللۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يازغۇچى، رەسسام، ئارتىس قاتارلىقلار ئەنئەنىگە ئاساسەن، ئۆز-ئۆزىگە قويۇۋالغان باشقا نام، ئەدەبىي لەقەم.

تەخەللۇسلۇق

  • تەخەللۇسلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەخەللۇسى بار، تەخەللۇس ئىشلەتكەن، تەخەللۇس قوللانغان.

تەخەي

  • تەخەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئېشەكنىڭ بالىسى.

تەخەيلەتمەك

  • تەخەيلەتمەك[يەشمىسى:] «تەخەيلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەخەيلىك

  • تەخەيلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەخىيى بار، تەخەيلىگەن، تەخەي ئەگەشتۈرگەن:[مىسال:] تەخەيلىك ئېشەك.

تەخەيلىمەك

  • تەخەيلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] (ئېشەك)[يەشمىسى:] تەخەي تۇغماق:[مىسال:] ئېشەك تەخەيلىدى.

تەخت

  • تەخت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① پادىشاھ، خان ۋە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئولتۇرۇشى ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان، ئالاھىدە بېزەلگەن ھەشەمەتلىك ئورۇن، ئورۇندۇق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەمەل، مەنسەپ، ھوقۇق:[مىسال:] تەختتىن چۈشمەك. تەختكە چىقماق.

تەختلىك

  • تەختلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تەخت بار، تەخت ئورۇنلاشتۇرۇلغان:[مىسال:] ئالتۇن تەختلىك ئوردا.[يەشمىسى:] ② تەخت شەكلىدىكى، تەخت ئۈستىگە ئورۇنلاشقان:[مىسال:] تەختلىك سپورا.

تەختىراۋان

  • تەختىراۋان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① مەرتىۋىلىك شەخسلەرنى سېلىپ يەلكىدە كۆتۈرىدىغان، ئۈستۋېشى ھەشەمەتلىك بېزەلگەن، زەمبىل شەكىللىك جاھاز. [يەشمىسى:] ② جەسەتنى كۆمۈشتىن بۇرۇن جەسەتنى يۇيىدىغان تاختاي.

تەختىراۋانچى

  • تەختىراۋانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] تەختىراۋان كۆتۈرگۈچى كىشى.

تەخسە

  • تەخسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① لېگەن شەكىللىك، ئاغزى يايپاڭ قىلىپ ياسالغان تاماق قاچىسى. [يەشمىسى:] ② گىر، جىڭ قاتارلىقلارنىڭ جىڭلىنىدىغان نەرسىنى قويىدىغان تەخسىگە ئوخشاش يېرى.

تەخسە كۆتۈرمەك

  • تەخسە كۆتۈرمەك[يەشمىسى:] خۇشامەت قىلماق.

تەخسىسى چېقىلماق

  • تەخسىسى چېقىلماق[يەشمىسى:] قىلغان خۇشامىتى كۈتكىنىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمەي قالماق.

تەخسىچى

  • تەخسىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاپانچى، يالاقچى، خۇشامەتچىلىك، تەخسىكەش.

تەخسىچىلىك

  • تەخسىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يالاقچىلىق، خوشامەتلىك.

تەخسىرات

  • تەخسىرات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] باشقىلار تەرىپىدىن يۈكلەنگەن گۇناھ، كەمچىلىك، سەۋەنلىك.

تەخسىراتقا كەتمەك

  • تەخسىراتقا كەتمەك[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ زىيان سېلىشىغا ۋە ھاقارەت كەلتۈرۈشىگە ئۇچرىماق، نەپرىتىگە قالماق، قارغىشىغا كەتمەك، نەزىرىدىن چۈشمەك:[مىسال:] راستتىن ماڭا «ئۆزى تىكلىگەن مازاردىن ئۆزى تەخسىراتقا كېتىپتۇ» دېگەندەك ئىش بولغانىدى.

تەخسىسىمان

  • تەخسىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەخسىگە ئوخشاش، تەخسىدەك.

تەخسىكەش

  • تەخسىكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «تەخسىچى»گە قاراڭ.

تەخسىكەشلىك

  • تەخسىكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «تەخسىچىلىك»كە قاراڭ.

تەخسىلىك

  • تەخسىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەخسىسى بار، تەخسە ئورنىتىلغان:[مىسال:] ئۇ ئوتتۇرىسىغا تېرە كېرىلگەن مىس تەخسىلىك بىر خىل داپ ئىدى.

تەخلەتمەك

  • تەخلەتمەك[يەشمىسى:] «تەخلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەخلەشمەك

  • تەخلەشمەك[يەشمىسى:] «تەخلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەخلەنمەك

  • تەخلەنمەك[يەشمىسى:] «تەخلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا كۈزگى بۇغداي تېرىش ئۈچۈن تەخلىنىپ قويۇلغان سالا-سالا ئېتىزلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.

تەخلىمەك

  • تەخلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەخ قىلىپ راسلىماق؛ تەييارلىماق، ھازىرلىماق، رەتلىمەك:[مىسال:] سادىق ئۈستەلنىڭ بىر چېتىگە تەخلەپ قويۇلغان ئارخىپ خالتىلىرىدىن بىرىنى سۇغۇرۇۋالدى.

تەخمۇتەخ

  • تەخمۇتەخ[يەشمىسى:] تولۇق تەييارلاپ قويۇلغان، ھەممىسى تەل قىلىنغان، تەييارلاقلىق:[مىسال:] ئادىل ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى ھەممىنى تەخمۇتەخ راسلاپ، ئاندىن قايتىشتى.

تەخمىس

  • تەخمىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① بەشكە بۆلۈش، بەشلەشتۈرۈش، مۇخەممەسلەشتۈرۈش. [يەشمىسى:] ② بىر شائىر يازغان غەزەلگە يەنە بىر شائىر تەرىپىدىن مەزمۇنى، شەكلى ماس ئۈچ مىسرا قوشۇلۇپ يېزىلغان مۇخەممەس.

تەخمىن

  • تەخمىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پەرەز، گۇمان، قىياس:[مىسال:] تەخمىن قىلماق.

تەخمىنەن

  • تەخمىنەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پەرەز، قىياسقا ئاساسەن؛ تەخمىن قىلىپ ئېيتقاندا؛ مۆلچەرچە:[مىسال:] بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى تەخمىنەن يېرىم ئەسىر بۇرۇن يېزىلغان.

تەخمىنلەنمەك

  • تەخمىنلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «تەخمىنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تەخمىنلەنگەن سان.

تەخمىنلىمەك

  • تەخمىنلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەخمىن ئاساسىدا ھۆكۈم چىقارماق، تەخمىن قىلماق؛ مۆلچەرلىمەك:[مىسال:] ئۇ قولىدا چىراغنى تۇتقىنىچە تەخمىنلەپ، دۇكاندىن دۇكانغا ئۆتۈپ، «بەخت»نى ئىزلىدى.

تەخمىنىي

  • تەخمىنىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەخمىن قىلىنغان، تەخمىنگە ئاساسلانغان؛ گۇمانىي:[مىسال:] ھېچبولمىغاندا تۆمۈر خەلپىنىڭ تەخمىنىي سۈرىتىنى سىزىپ چىقىڭلار، دېدى باشلىق.

تەخىر

  • تەخىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كېچىكتۈرۈش، ساقلاش، ھايال:[مىسال:] تەخىر قىلماق.

تەخىرسىز

  • تەخىرسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەخىر قىلىشقا، ساقلىتىپ قويۇشقا بولمايدىغان؛ ھايالسىز:[مىسال:] تەخىرسىز ئىش.∥ پادىشاھ تېۋىپنى تەخىرسىز قىزى ئالدىغا باشلاپ كىرىپتۇ.

تەخىرسىزلىك

  • تەخىرسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەخىر قىلىشقا بولماسلىق، ھايالسىزلىق.

تەدبىر

  • تەدبىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] چارە، ئامال، ئىلاج:[مىسال:] تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولار (ماقال).

تەدبىرچان

  • تەدبىرچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەدبىرگە باي، چارە-تەدبىرلىك، تەدبىرلىك ئىش قىلىدىغان:[مىسال:] سەن جەڭچىدەك باتۇر، داھىيدەك تەدبىرچان بولۇشۇڭ كېرەك.

تەدبىرچانلىق

  • تەدبىرچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چارە-تەدبىر تۈزۈشكە ماھىرلىق، تەدبىرلىكلىك:[مىسال:] ئۇنىڭ تەدبىرچانلىقى پۈتۈن يېزا خەلقىنى قايىل قىلغانىدى.

تەدبىرسىز

  • تەدبىرسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەدبىرى يوق، ئويلىماي ئىش قىلىدىغان:[مىسال:] بۇ تەدبىرسىز، ئاجىز كىشىلەرنىڭ قىلىقى.

تەدبىرسىزلىك

  • تەدبىرسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەدبىرى يوقلۇق، ئويلىماي ئىش قىلىش.

تەدبىرلىك

  • تەدبىرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەدبىرى بار، ئامال قىلالايدىغان:[مىسال:] تەدبىرلىك رەھبەر.

تەدرىجىي

  • تەدرىجىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاستا-ئاستا، بىر-بىرلەپ، ئارقىمۇئارقا، دەرىجىمۇدەرىجە:[مىسال:] تەدرىجىي تەرەققىيات.∥ ئۇلار خىزمەتلەرنى تەدرىجىي قانات يايدۇردى.

تەرⅠ

  • تەرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئادەم ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ تېرىسى ئاستىدىكى مەخسۇس بەزلەر تەرىپىدىن ئاجرىتىلغان سۇيۇقلۇق:[مىسال:] تەر باسماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەجىر، ئەمگەك:[مىسال:] ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن، بەخت كېلىدۇ تەردىن (ماقال).

تەر تۆكمەك

  • تەر تۆكمەك[يەشمىسى:] ئەجىر قىلماق، ئەمگەك سىڭدۈرمەك.

تەرⅡ

  • تەرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تەلەت، چىراي، يۈز، كۆرۈنۈش:[مىسال:] ئۆينىڭ تۆرىگە قارىما، ساھىبخانىنىڭ تەرىگە قارا (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئەلپاز، پەيل:[مىسال:] ھاۋانىڭ تەرى يامان تۇرىدۇ، مۆلدۈر چۈشەمدۇ نېمە؟

تەرى تۇتۇلماق

  • تەرى تۇتۇلماق[يەشمىسى:] خاپا بولۇپ چىرايى تۈرۈلمەك، رەڭگى ئۆزگەرمەك.

تەرى سۆرۈن

  • تەرى سۆرۈن[يەشمىسى:] كۆرۈمسىز، سەت؛ يېقىمسىز.

تەرەپ

  • تەرەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ ئەتراپىدىكى جاي، يان، ياق:[مىسال:] سول تەرەپ.[يەشمىسى:] ② بىر-بىرىگە قارىمۇقارشى بولغان ۋە ئوخشاشمىغان مەيدان، ئوخشاشمىغان پىكىر ئېقىمىدىكىلەرنىڭ بىرى؛ بىر ياقتىكىلىرى:[مىسال:] بىز ھامان پۈتۈن دۇنيادىكى ئېزىلگۈچى خەلق تەرەپتە تۇرىمىز.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىش توغرىسىدا تۈزۈلگەن توختام ياكى كېلىشىمگە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا ئىمزا قويغان تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ بىرى ياكى بىر ياقتىكىسى:[مىسال:] يېزىلاردىكى ھەر خىل توختاملار ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق تۈزۈلگەنىكەن.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] گېئومېتىرىيىلىك شەكىلدىكى بۇلۇڭنى ھاسىل قىلغۇچى تۈز سىزىقلار ياكى كۆپ تەرەپلىكنى ھاسىل قىلغۇچى كېسىكلەر.[يەشمىسى:] ⑤ جەھەت، قىسىم:[مىسال:] بۇ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى.

تەرىپىنى ئالماق

  • تەرىپىنى ئالماق[يەشمىسى:] يان باسماق، قوشۇلماق، توغرا تاپماق، ھىمايە قىلماق.

تەرەپباز

  • تەرەپباز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] قارىمۇقارشى تەرەپ پەيدا قىلىدىغان، گۇرۇھۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان.

تەرەپبازلىق

  • تەرەپبازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارىمۇقارشى تەرەپ پەيدا قىلىش ئىشى، گۇرۇھۋازلىق:[مىسال:] بىز ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ تەرەپبازلىق ۋە ھۆكۈمەتسىزلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز لازىم.

تەرەپ-تەرەپ

  • تەرەپ-تەرەپ[يەشمىسى:] بىرقانچە تەرەپ، ھەممە تەرەپ:[مىسال:] دېھقانلارمۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلغىنىغا خۇش بولۇپ، تەرەپ-تەرەپكە تارقاپ كېتىشتى.

تەرەپدار

  • تەرەپدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە قارىمۇقارشى بولغان مەلۇم بىر تەرەپ، گۇرۇھ، شەخس، ئىدىيىنى قوللايدىغان، ھىمايە قىلىدىغان شەخس.

تەرەپدارلىق

  • تەرەپدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر تەرەپ ياكى گۇرۇھقا بولغان مايىللىق، ئېغىش تۇيغۇسى.

تەرەپلىك

  • تەرەپلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەرىپى بار، تەرەپكە ئىگە:[مىسال:] كۆپ تەرەپلىك.

تەرەپلىمە

  • تەرەپلىمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەرەپكە تەئەللۇق، تەرەپتىكى، جەھەتتىكى، ياقتىكى:[مىسال:] بىر تەرەپلىمە. ھەر تەرەپلىمە. ئىككى تەرەپلىمە.

تەرەپلىمىلىك

  • تەرەپلىمىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم تەرەپكە مەنسۇپلۇق:[مىسال:] بۇ مەسىلە ئۇنىڭ خىزمەتتىكى بىر تەرەپلىمىلىكىدىن كېلىپ چىقتى.Ⅸ机?تۈرى: ىىبادەت قىلىش، ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش ئالدىدىكى يۈز-كۆز، پۇت-قول ۋە باشقا ئەزالارنى يۇيۇپ پاكلىنىش:[مىسال:] تەرەت ئالماق.[يەشمىسى:] ② چوڭ-كىچىك ھاجەت.

تەرىتى بوش

  • تەرىتى بوش[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىشقا قۇدرىتى يەتمەيدىغان، ئىرادىسى بوش، شۇ ئىشنى قىلىشقا تەييارلىقى كەم.

تەرىتى چىڭ

  • تەرىتى چىڭ[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىشقا غەيرىتى، قۇدرىتى يېتىدىغان؛ شۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىرادە باغلىغان، تەييارلىقى بار:[مىسال:] بۇ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىشتا تەرىتىم خېلى چىڭ.

تەرەتخانا

  • تەرەتخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] تەرەت قىلىش ئۈچۈن ياسالغان مەخسۇس جاي، خانا؛ خالا.

تەرەتسىز

  • تەرەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەرىتى يوق، تەرەت ئالمىغان، بىتەرەت:[مىسال:] ئەپەندى ئاچچىقلىنىپ: بىر ئاي تەرەتسىز ئىماملىق قىلدىم، ئوقۇغان نامىزىڭلار راۋا ئەمەس دەپتۇ.

تەرەتلىك

  • تەرەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەرىتى بار، تەرەت ئالغان، تەرىتى سۇنمىغان.

تەرەددۇت

  • تەرەددۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەييارلىق، ھازىرلىق:[مىسال:] ھازىر جىددىي تەرەددۇت قىلىپ، بۇ كىشىلەرنى ئىزدەڭلەر.

تەرەددۇتسىز

  • تەرەددۇتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەييارلانمىغان، ھازىرلانمىغان؛ ھازىرلىقسىز:[مىسال:] تەرەددۇتسىز تۇرماق.

تەرەددۇتسىزلىق

  • تەرەددۇتسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھازىرلانماي، تەييارلانماي تۇرۇش:[مىسال:] ئۇلارنىڭ تەرەددۇتسىزلىقىدىن پايدىلاندۇق.

تەرەددۇتلانماق

  • تەرەددۇتلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەييارلىق كۆرمەك، ھەرىكەتلەنمەك، ھازىرلانماق:[مىسال:] ئۆزۈممۇ ئاللىقاچانلاردىن بېرى قېچىپ كېتىشكە تەرەددۇتلىنىپ يۈرگەنىدىم.

تەرەددۇتلۇق

  • تەرەددۇتلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەييارلانغان، ھازىرلىق كۆرۈلگەن.

تەرەققىي

  • تەرەققىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] راۋاجلىنىش، ئىلگىرىلەش، يۈكسىلىش:[مىسال:] تەرەققىي قىلماق.

تەرەققىيات

  • تەرەققىيات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەرەققىي قىلىش جەريانى ۋە بۇنىڭدا بارلىققا كەلگەن ئىشلار.

تەرەققىيپەرۋەر

  • تەرەققىيپەرۋەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] تەرەققىيات تەرەپدارى، تەرەققىياتنى خالايدىغان:[مىسال:] شېڭ شىسەي شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان 11 يىل ئىچىدە 70 — 80 مىڭدىن ئارتۇق تەرەققىيپەرۋەر، ئىلغار كىشىلەرنىڭ قاتىلى بولغانىدى.

تەرەققىيپەرۋەرلىك

  • تەرەققىيپەرۋەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەرەققىياتنى خالاش ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىش.

تەرەققىيلەشتۈرمەك

  • تەرەققىيلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «تەرەققىيلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

تەرەققىيلەشمەك

  • تەرەققىيلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەرەققىي تاپماق، راۋاجلانماق، يۈكسەلمەك، ئىلگىرىلىمەك:[مىسال:] مەن يەنە يېلىنىپ تۇرۇپ: ئۇنداق تەرسالىق قىلمىغىن، جاھان تەرەققىيلىشىپ كەتتى-دە ئانا دېدىم.

تەرەڭ

  • تەرەڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قاتتىق تارتىلغان؛ پۈرلەشكەن ياكى بوش جايلىرى قالدۇرۇلماستىن كېرىلگەن.

تەرەڭلىك

  • تەرەڭلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] بىرەر جىسىم تارتىش كۈچىگە ئۇچرىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۆزئارا تۇتاشقان ئىككى بۆلەك يۈزىگە تىك ھالەتتە پەيدا بولىدىغان قارىمۇقارشى يۆنىلىشتىكى بىر جۈپ كۈچ.

تەربىيە

  • تەربىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بالىلارنى بېقىپ ۋە ئۇلارغا تەلىم بېرىپ چوڭ قىلىش:[مىسال:] ئۇ تاغىسىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولدى.[يەشمىسى:] ② ئىش-ھۈنەر، ئەدەپ-ئەخلاق، ئىلىم ئۆگىتىش، تەلىم:[مىسال:] تەربىيە بەرمەك. تەربىيە ئالماق.

تەربىيىچى

  • تەربىيىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تەربىيە قىلغۇچى كىشى؛ ئوقۇتقۇچى، ئۇستاز:[مىسال:] بۇ قېتىم تەربىيىچىمىز بىزنى كۆپ ئاسرىدى.[يەشمىسى:] ② بالىلار باغچىلىرى ۋە يەسلىلەردە بالىلارنى بېقىش ھەم تەربىيىلەشكە مەسئۇل خادىم:[مىسال:] بۇ يەسلىدە بەش تەربىيىچى خانىم بار.

تەربىيىچىلىك

  • تەربىيىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەربىيىلەش خىزمىتى، ئىشى.

تەربىيىسىز

  • تەربىيىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەربىيە كۆرمىگەن، تەربىيىگە ئىگە بولمىغان، تەربىيلەنمىگەن:[مىسال:] مەرد باغۋەن خازان قىلمايدۇ ۋاقىتسىز باغنى، تەربىيىسىز سولدۇرۇپ گۈل-چېچەكلەرنى.

تەربىيىسىزلىك

  • تەربىيىسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەربىيە كۆرمىگەنلىك.

تەربىيىلەتمەك

  • تەربىيىلەتمەك[يەشمىسى:] «تەربىيىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەربىيىلەشمەك

  • تەربىيىلەشمەك[يەشمىسى:] «تەربىيىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھەرقايسىلىرى ئەل-جامائەت ئىچىدە نام-ئابرۇيلىرى بار كىشىلەر بولغاچقا، بالا-ۋاقىلىرىنىمۇ ئوبدان تەربىيىلىشىپلا.

تەربىيىلەنگۈچى

  • تەربىيىلەنگۈچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەربىيە ئالغۇچى، [يەشمىسى:] ئۆگەنگۈچى، ئوقۇغۇچى:[مىسال:] بىز تەربىيىلەنگۈچىلەرنى ئەخلاقلىق، غايىلىك ۋە ئىنتىزامچان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز لازىم.

تەربىيىلەنمەك

  • تەربىيىلەنمەك[يەشمىسى:] «تەربىيىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ كېنىزەك بىلەن بىللە تەربىيلىنىپ ئۆسكەنىكەن.

تەربىيىلىك

  • تەربىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەربىيە كۆرگەن، تەربىيىگە ئىگە بولغان، تەربىيىلەنگەن؛ ئەدەپ-ئەخلاقلىق:[مىسال:] تەربىيىلىك قىز. تەربىيىلىك بالا.

تەربىيىلىمەك

  • تەربىيىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بېقىپ، پەرۋىش قىلىپ چوڭ قىلماق، ئۆستۈرمەك:[مىسال:] سىزنى تەربىيىلىگەن ئاتىڭىزغا رەھمەت.[يەشمىسى:] ② ئىش-ئوقەت، ئىلىم-ھۈنەر، ئەدەپ-ئەخلاق، پەم-پاراسەت ئۆگەتمەك، يېتىشتۈرمەك:[مىسال:] ھازىر مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى ئەدەپ-ئەخلاق تەرەپتىن بەك ياخشى تەربىيىلەۋاتىدۇ.

تەربىيىۋى

  • تەربىيىۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەربىيىگە ئائىت، تەربىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان:[مىسال:] خىزمەتتىكى بۇ ئۇسۇل ناھايىتى زور تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە.

تەرتە

  • تەرتە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھارۋىنىڭ ئوقىغا بېكىتىلگەن ئۇزۇن ياغاچ.

تەرتىپ

  • تەرتىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① شەيئىلەرنىڭ مەلۇم ھالەتتە جايلاشتۇرۇلۇشى، تىزىلىشى؛ رەت، قاتار:[مىسال:] . ئېلىپبە تەرتىپى. ∥ تەرتىپ سان.[يەشمىسى:] ② ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئۇرۇندىلىش جەريانىدىكى ئىزچىللىق:[مىسال:] ئۆيدە سائەتنىڭ بىر تەرتىپتە چىكىلدىشىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايتتى.[يەشمىسى:] ③ شەكىللەنگەن، تۇرغۇزۇلغان قائىدە-تۈزۈم؛ ئىنتىزام:[مىسال:] قاتناش تەرتىپى. دەرس تەرتىپىنى ساقلىماق.[يەشمىسى:] ④ مەلۇم قائىدە-تۈزۈم، قانۇنلارغا ئۇيغۇن ھالەت:[مىسال:] تەرتىپكە سالماق.

تەرتىپسىز

  • تەرتىپسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مەلۇم تەرتىپ، قانۇن-قائىدە تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن ئەمەس، رەتسىز، قالايمىقان، چۇۋالچاق:[مىسال:] سەمەت كىيىملىرى تەرتىپسىز، مەست ھالدا قاۋاقخانىدىن چىقتى.[يەشمىسى:] ② ئىنتىزامغا رىئايە قىلمايدىغان، ئىنتىزامسىز:[مىسال:] تەرتىپسىز ئوقۇغۇچى.

تەرتىپسىزلەشمەك

  • تەرتىپسىزلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەرتىپسىز ھالەتكە كەلمەك، قالايمىقانلاشماق، چۇۋالچاقلىشىپ كەتمەك:[مىسال:] بۇ سىنىپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تەجرىبىسىز بولغاچقا، بالىلار تەرتىپسىزلىشىپ كەتتى.

تەرتىپسىزلىك

  • تەرتىپسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەرتىپسىز ھالەت، قالايمىقانچىلىق.

تەرتىپلىك

  • تەرتىپلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مەلۇم تەرتىپ، قانۇن-قائىدىلەرگە ئۇيغۇن، رەتلىك:[مىسال:] تۇرشاۋۇل، ھىماتچى قوشۇنلار، ئوڭ ۋە سول قانات قوشۇنلارنىڭ تۇغ-ئەلەملىرى تەرتىپلىك ئىدى.[يەشمىسى:] ② تەرتىپ-تۈزۈمگە بويسۇنىدىغان، ئىنتىزاملىق، ئىنتىزامچان:[مىسال:] تەرتىپلىك ئوقۇغۇچى.

تەرتىپ-ئىنتىزام

  • تەرتىپ-ئىنتىزام[يەشمىسى:] تەرتىپ ۋە ئىنتىزام:[مىسال:] سەن كىچىك بالا ئەمەسقۇ ئازراق بولسىمۇ تەرتىپ-ئىنتىزامنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭ كېرەك، دېدى ئوقۇتقۇچى تەكىتلەپ.

تەرجىمان

  • تەرجىمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى.

تەرجىمانلىق

  • تەرجىمانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەرجىمە خىزمىتى.

تەرجىمە

  • تەرجىمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىر تىلدىن ئىككىنچى بىر تىلغا ئاغدۇرۇش:[مىسال:] تەرجىمە قىلماق.

تەرجىمىشۇناس

  • تەرجىمىشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] تەرجىمە نەزەرىيىسىنى، ئۇنىڭ قانۇن-قائىدىلىرىنى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىس.

تەرجىمىشۇناسلىق

  • تەرجىمىشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەرجىمە نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

تەرجىمىچىلىك

  • تەرجىمىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەرجىمە ئىشلىرى.

تەرجىمىھال

  • تەرجىمىھال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تەرجىمە+ھال[[يەشمىسى:] مەلۇم كىشىنىڭ ھاياتىدىكى ئىش-پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان خاتىرە.

تەرجىئىبەند

  • تەرجىئىبەند[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] شېئىر شەكىللىرىنىڭ بىر خىىىيىسى ھەرخىل بولغان بىرنەچچە كۇپلېتلىق شېئىرنىڭ ھەر بەندى(بۆلىكى، قىسمى)ئارىسىدا مەلۇم بىر بېيىت تەكرار يېزىلىدۇ؛ تەكرارلانغان بېيىت ھەر بەند ئاخىرىدىكى بېيىت بىلەن باغلىنىپ بارىدۇ.

تەرخەمەك

  • تەرخەمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پېلەك تاشلاپ ئۆسىدۇ، سىلىندىر شەكلىدە، تىكەنلىك بولۇپ، پىشقاندا سارغىيىدۇ؛ ئادەتتە كۆكتات قاتارىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.

تەرخەمەكلىك

  • تەرخەمەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەرخەمەك تېرىلغان يەر، تەرخەمەك بار جاي.

تەرز

  • تەرز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھالەت، شەكىل، يوسۇن، تەرىقە.

تەرزدە

  • تەرزدە[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] ھالەتتە، تەرىقىدە، يوسۇندا، قىياپەتتە، شەكىلدە:[مىسال:] «دۆ غېرىبنى ئۇرۇپتۇ، ئۆمۈچۈك مۇساپىرنى» دېگەن قانلىق پاجىئە مۇشۇ تەرزدە پىلانلىق بىر تەرەپ قىلىنغانىدى.

تەرسا

  • تەرسا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] گەپ يېمەيدىغان؛ جاھىل، كاج:[مىسال:] تەرسا بالا. تەرسا ئادەم.

تەرسالاشماق

  • تەرسالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەرساغا ئايلانماق، تەرسا بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇ جاھىل تېخىمۇ تەرسالىشىپ، دېگىنىدە چىڭ تۇرىۋالدى.

تەرسالىق

  • تەرسالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گەپ يېمەسلىك، جاھىللىق:[مىسال:] تەرسالىق قىلماق.

تەرغىب

  • تەرغىب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەشۋىق، رىغبەت، دەۋەت:[مىسال:] تەرغىب قىلماق.

تەرغىبات

  • تەرغىبات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] رىغبەتلەندۈرۈش؛ تەشۋىقات، ئۈندەش، دەۋەت.

تەرغىباتچى

  • تەرغىباتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەرغىبات ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى، تەرغىبات قىلغۇچى كىشى.

تەرغىباتچىلىق

  • تەرغىباتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەرغىبات ئېلىپ بېرىش پائالىيىتى، ئىشى.

تەرك

  • تەرك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تاشلاش:[مىسال:] تەرك ئەتمەك. تەركقىلماق. * ئۇ ئۇيالغىنىدىن دۇكىنىغا بېرىشنىمۇ تەرك قىلىش پىكرىگە كېلىشكە ئاز قالغانىدى.

تەركىب

  • تەركىب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىر پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلغۇچى بۆلەكلەر، قىسىملار يىغىندىسى:[مىسال:] جۈملىنىڭ تەركىبى. خىمىيىۋى بىرىكمىلەرنىڭ تەركىبى.[يەشمىسى:] ② شەخسنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى:[مىسال:] ئائىلە تەركىبى.

تەركىبباز

  • تەركىبباز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] تەركىبكىلا ئېسىلىۋالىدىغان، تەركىبنىلا ئاساس قىلىدىغان:[مىسال:] تەركىبباز ئادەم.

تەركىببازلىق

  • تەركىببازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەركىبكىلا ئېسىلىۋېلىش، تەركىبىنى ئاساس قىلىش.

تەركىبلىك

  • تەركىبلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبكە ئىگە، تەركىبى بار ياكى تەركىبتىن تۈزۈلگەن:[مىسال:] كۆپ تەركىبلىك بىرىكمە جىسىم.

تەركىبىي

  • تەركىبىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەلۇم بىر پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلغۇچى، تەركىبىگە كىرگۈچى:[مىسال:] «بەشتە ياخشى ئائىلە» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت يارىتىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

تەركىجاھان

  • تەركىجاھان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]تەرك+ى+جاھان[[يەشمىسى:] «تەركىدۇنيا»غا قاراڭ:[مىسال:] ئۇ يەتتە يىلدىن بېرى خالايىققا كۆرۈنمەي، تەركىجاھان بولۇپ ياتىدۇ.

تەركىدۇنيا

  • تەركىدۇنيا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]تەرك+ى+دۇنيا[[يەشمىسى:] دۇنيادىن، دۇنيا ئىشلىرىدىن، ئەيش-ئىشرەت ۋە مەئىشەتتىن كەچكەن؛ دۇنيا تۇتمىغان:[مىسال:] تەركىدۇنيا بولماق.

تەركىدۇنياچىلىق

  • تەركىدۇنياچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئادەتتە ئەخلاقىي غايە ياكى دىنىي غايىگە يېتىش ئۈچۈن، شەخسىي ئارزۇ ۋە تەلەپنى ھەددىدىن ئارتۇق تىزگىنلەشتەك تۇرمۇش ئۇسۇلىنى بىلدۈرىدۇ. ئېتىكىدا «تەقۋادارلىق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تەركىدۇنيالىق

  • تەركىدۇنيالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەركىدۇنيا ھالەت.

تەركىن

  • تەركىن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] توختام، تۇرغۇن.

تەرگا

  • تەرگا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گىلەم توقۇيدىغان يىپنى بىر پېچەكتىن ئىككىنچى بىر پېچەككە يۆتكەشتە ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇلما، سايمان.

تەرگەشمەك

  • تەرگەشمەك[يەشمىسى:] «تەرگىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار كىچىككىنە بىر ئىش ئۈچۈن گەپ تەرگىشىپ قالدى.

تەرگەلمەك

  • تەرگەلمەك[يەشمىسى:] «تەرگىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ مەسىلە كۆپچىلىك ئىچىدە كۆپ قېتىم تەرگەلدى.

تەرگەن-تۈگكەن

  • تەرگەن-تۈگكەن[يەشمىسى:] تاپقان-تەرگەن، بار-يوق ھەممىسى.

تەرگەۋ

  • تەرگەۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىنايەت يۈز بەرگەن شارائىت ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى، قاتناشقۇچىلارنى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈش، سوراق قىلىش:[مىسال:] تەرگەۋ قىلماق.

تەرگەۋچى

  • تەرگەۋچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەرگەۋ قىلغۇچى.

تەرگەۋچىلىك

  • تەرگەۋچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەرگەۋ قىلىش ئىشى، خىزمىتى.

تەرگەۋسىز

  • تەرگەۋسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تەرگەۋ قىلماي، سوراقسىز:[مىسال:] تەرگەۋسىز قاماپ قويماق.

تەرگۈزمەك

  • تەرگۈزمەك[يەشمىسى:] «تەرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بېدە تەرگۈزمەك.

تەرگىمەك

  • تەرگىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۈرۈشتە قىلماق، تەكىتلىمەك:[مىسال:] تەرگىسەڭ تېرىق بولىدۇ، تەرگىمىسەڭ ئېرىق (ماقال).[يەشمىسى:] ② كايىماق، ئاچچىقلانماق:[مىسال:] دەرۋەقە ئايالىمنىڭ مۇنداق تەرگەپ كېتىشىنىڭمۇ ئورنى بار.

تەرلەپ-پىشىپ

  • تەرلەپ-پىشىپ[يەشمىسى:] تەرگە پېتىپ:[مىسال:] جەڭچىلەر تەرلەپ-پىشىپ ياتاققا كىرىشتى.

تەرلەپ-تەپچىپ

  • تەرلەپ-تەپچىپ[يەشمىسى:] «تەرلەپ-پىشىپ»قا قاراڭ.

تەرلەپ-تەپچىرەپ

  • تەرلەپ-تەپچىرەپ[يەشمىسى:] «تەرلەپ-پىشىپ»قا قاراڭ:[مىسال:] رەھمەتجاننىڭ كۆز ئالدىغا پىژغىرىم ئاپتاپتا تەرلەپ-تەپچىرەپ ئورما ئورۇۋاتقان ئابىدەم، مۈكچىيىپ باغ باغلاۋاتقان شەۋكەت، توپىغا مىلىنىپ ئۇخلاۋاتقان رەيھان كەلدى.

تەرلەتمەك

  • تەرلەتمەك[يەشمىسى:] ① «تەرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىر كۈنى كەچتە، ھېدىلباي چىلان تورۇقنى راسا تەرلىتىپ، سەپەردىن قايتىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەنبىھ بەرمەك، خىجالەت قىلماق، سارغايتماق:[مىسال:] ئاياللار ئەمەتنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ تازا تەرلىتىپتۇ.

تەرلەشمەك

  • تەرلەشمەك[يەشمىسى:] «تەرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەرلەنمەك

  • تەرلەنمەك[يەشمىسى:] «تەرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ قانداق قىلغىنىڭىز، بۈگۈن ئەتىگەن مەن ھېچ يەرگە بارماڭ، تەرلىنىڭ، يېتىپ دەم ئېلىڭ دېمىدىممۇ ياخشى قىلماپسىز، دېدى ئۇ ئاچچىقلىنىپ.

تەرلىك

  • تەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېگەرنىڭ ئاستىغا سېلىنىدىغان ئىچلىك، يوپۇقچە.

تەرلىمەك

  • تەرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بەدەندىن تەر چىقماق، تەر باسماق:[مىسال:] كىشىنىڭ جۇۋىسىدا تەرلىمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەجىر قىلماق، تەر تۆكمەك:[مىسال:] پىشىپ قالدى بۇغدايلار، تەييار تۇرۇڭ دېھقانلار. بۇزماي، چاچماي ئورۇڭلار، تەرلەپ ئەمگەك قىلدىڭلار.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خىجالەت تارتماق، تەڭلىكتە قالماق؛ سارغايماق، ئۇيالماق:[مىسال:] قاسىم كەمچىلىك ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالدىدا خېلىلا تەرلىدى.

تەرمە

  • تەرمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەرەپ-تەرەپتىن يىغىلىپ توپلانغان، تېرىپ ئېلىنغان، بىرلەشمە.

تەرمەچ

  • تەرمەچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرىپ ئېلىنىدىغان ياكى ئېلىنغان پارچە-پۇرات ئوتۇنلار:[مىسال:] تەرمەچ تەرمەك.

تەرمەك

  • تەرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىردىن-بىردىن تۇتۇپ يىغماق، دانىلاپ يىغىپ توپلىماق:[مىسال:] باشاق تەرمەك.

تەرمىلەر

  • تەرمىلەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] مەلۇم كىتاب ياكى ئەسەر ئىچىدىن تاللىۋېلىنغان ئۈزۈندى ياكى پارچىلار.

تەرۋاز

  • تەرۋاز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆڭلى نازۇك، تېرىككەك.

تەرۋازلىق

  • تەرۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نازۇكلۇق، تېرىككەكلىك.

تەرىپ

  • تەرىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تونۇشتۇرۇلغان ياخشى تەرەپ:[مىسال:] تەرىپىنى قىلماق.[يەشمىسى:] ② چۈشەندۈرۈش، ئىزاھ:[مىسال:] تەرىپ بەرمەك.

تەرىپلەتمەك

  • تەرىپلەتمەك[يەشمىسى:] «تەرىپلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەرىپلەشمەك

  • تەرىپلەشمەك[يەشمىسى:] «تەرىپلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] دېھقانلار ئۇلارنى كۆپ تەرىپلەشتى.

تەرىپلەنمەك

  • تەرىپلەنمەك[يەشمىسى:] «تەرىپلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئاڭلىق تۈردە پارىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خەلق ئىچىدە تەرىپلەنمەكتە.

تەرىپلىمەك

  • تەرىپلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ياخشىلىقىنى سۆزلىمەك:[مىسال:] قىزنىڭ ئانىسى ئۆز قىزىنى، ئوغۇلنىڭ ئانىسىمۇ ئۆز ئوغلىنى تەرىپلەپ بېيىت ئېيتىشاتتى.[يەشمىسى:] ② ئېنىق قىلىپ ئىپادىلىمەك، چۈشەندۈرمەك، ئىزاھلىماق:[مىسال:] كەلگەنلەر كۆرگەن يېڭىلىقلارنى تەرىپلەپ سۆزلىدى.

تەرىقە

  • تەرىقە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يول، ئۇسۇل، تەرز؛ شەكىل.

تەرىقەت

  • تەرىقەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① ئومۇمەن سوپىلىق يولى.[يەشمىسى:] ② سوپىلىقنىڭ بىر تارماق باسقۇچى، مۇئەييەن بىر ئېقىمى. تەرىقەت يولىغا كىرگەنلەر بۇ دۇنيالىقتىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىپ، زاھىد بولۇپ ھەممىدە خۇداغىلا ئىلتىجا قىلىش، كەمبەغەل ياشاش، باشقىلارنىڭ خەير-ئېھسانلىرى بىلەن پەقىرلەرچە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ ۋە ئۇنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

تەرىقەتچى

  • تەرىقەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەرىقەت يولىدا ماڭىدىغان كىشى.

تەرىقەتچىلىك

  • تەرىقەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەرىقەت يولىدا مېڭىش. ئىشانلىق، سوپىلىق.

تەرىقىدە

  • تەرىقىدە[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] يوسۇندا، ئۇسۇلدا، ھالەتتە، شەكىلدە:[مىسال:] سۆھبەت شۇ تەرىقىدە يەنە 15 مىنۇتچە داۋام قىلدى.

تەرىقىلىق

  • تەرىقىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توغرۇلۇق، سەۋەبلىك؛ تۈپەيلىدىن.

تەزدۈرمەك

  • تەزدۈرمەك[يەشمىسى:] «تەزمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەزكىرە

  • تەزكىرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەلۇم تارىخىي شارائىتتىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە مەلۇم جايدا يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقە، ھادىسىلەر خاتىرىلەنگەن ئەسەر؛ يازما خاتىرە:[مىسال:] ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە جايلار تەزكىرىسى جىددىي ئىشلەنمەكتە.

تەزكىرىچى

  • تەزكىرىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەزكىرە يېزىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى شەخس، كىشى.

تەزكىرىچىلىك

  • تەزكىرىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەزكىرە يېزىش ئىشى، خىزمىتى.

تەزكىرىشۇناس

  • تەزكىرىشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەزكىرىشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مۇتەخەسسىسى، ئالىمى.

تەزكىرىشۇناسلىق

  • تەزكىرىشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەزكىرە يېزىشنىڭ ئىلمىي نەزەرىيىلىرى، قائىدە-قانۇنىيەتلىرى، تارىخىي ۋە ئىلمىي ئۇسۇللىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ تەزكىرىچىلىك ئىشلىرىنى بىر يۈرۈش نەزەرىيىۋى ئاساسلار بىلەن تەمىنلەيدىغان پەن، ئىلىم.

تەزمەك

  • تەزمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەسلىدىكى ماكانىنى تاشلاپ، باشقا جايلارغا تاراپ كەتمەك:[مىسال:] مەدرىسىدىن تالىپلار، مەسچىتلەردىن نامازخانلار تەزدى.

تەزىم

  • تەزىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① باشنى ئېگىپ، قولنى كۆكسىگە ئېلىپ بېرىلگەن سالام:[مىسال:] تەزىم قىلماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يۈكسەك ھۆرمەت، مىننەتدارلىق، رازىمەنلىك:[مىسال:] ئۇ كۈلىدۇ، يىغلاشنىمۇ بىلىدۇ، قۇللۇق ئەمەس ئادەملەرگە تەزىمى. جەننەت كەبى ياشايلى بىز دۇنيادا، پەقەت جەننەت پەرىشتىگە لازىمى.

تەزىيە

  • تەزىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىركىمنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم، سۈكۈتتە تۇرۇش؛ ماتەم:[مىسال:] تەزىيە سۆزى. تەزىيە بىلدۈرمەك.

تەزىيەنامە

  • تەزىيەنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ۋاپات بولغۇچىنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتىگە بېغىشلاپ يېزىلغان خەت، ئەسەر.

تەس

  • تەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوڭاي ئەمەس، قىيىن، مۈشكۈل؛ جاپالىق:[مىسال:] كېسەلنىڭ كېلىشى ئاسان، كېتىشى تەس (ماقال).

تەسەددۇق

  • تەسەددۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەقدىم، قۇربان، پىدا، سەدىقە، ئاتاش:[مىسال:] تەسەددۇق قىلماق. * يا ئاللا بېگىم سىلى ئۈچۈن بىر جان ئەمەس، مىڭ جان بولسىمۇ تەسەددۇق دېسىلە.

تەسەررۇپ

  • تەسەررۇپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] پايدىلىنىش، ئىشلىتىش:[مىسال:] تەسەررۇپ قىلماق.

تەسەللا

  • تەسەللا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] غەم تارتماي، ئىككىلەنمەي، قارىسىغىلا، تەۋەككۈل قىلىپ:[مىسال:] ئەكبەر تەسەللاسىغىلا ئېتىۋىدى، ئوق جان كېسىپ تېگىپتۇ.

تەسەللايى

  • تەسەللايى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مۇنداقلا بىر، قارىسىغىلا، تەۋەككۈل قىلىپ:[مىسال:] تەسەللايى بېرىپ قويدۇم، ئۇلار بار ئىكەن، ھەممىسى ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قارىشىپ كەتتى.

تەسەللى

  • تەسەللى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قاتتىق خاپىلىق، ئىچ پۇشۇقى قاتارلىقلارنى پەسەيتىش، كۆڭۈلدىن چىقىرىۋېتىش يۈزىسىدىن بىركىمگە ياكى ئۆز-ئۆزىگە بېرىلگەن مەسلىھەت، نەسىھەت؛ راي ئېيتىش:[مىسال:] تەسەللىي بەرمەك. تەسەللىي ئېيتماق.

تەسەۋۋۇپ

  • تەسەۋۋۇپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىلاھ ۋە ئىلاھىي كۈچلەرگە، ئادەمنىڭ ئىلاھ بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىشىغا ئىشىنىشتىن ئىبارەت دىنىي ئېتىقاد؛ مىستىكا.

تەسەۋۋۇپچى

  • تەسەۋۋۇپچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەسەۋۋۇپقا ئىشىنىدىغان، تەسەۋۋۇپ يولى بىلەن ئىش تۇتىدىغان:[مىسال:] بەزى تەسەۋۋۇپچى شائىرلار تاۋۇتنى «ياغاچ ئات» دېگەن كىنايە بىلەن ئىپادىلەپ، «ئېگەرسىز ياغاچ ئاتقا مىنەرسەن ئاقىۋەت بىر كۈن» دەپ يازغانىدى.

تەسەۋۋۇپچىلىق

  • تەسەۋۋۇپچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەسەۋۋۇپ ئىشلىرى، تەسەۋۋۇپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش.

تەسەۋۋۇر

  • تەسەۋۋۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كۆز ئالدىدا مەۋجۇت بولمىغان شەيئىلەرنىڭ كونكرېت ئوبرازىنى ئويلاپ چىقىش:[مىسال:] تەسەۋۋۇر قىلماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] سەزگۈ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا يېڭىدىن ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يېڭى ئوبراز يارىتىشنىڭ پسىخولوگىيىلىك جەريانى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>لوگىكا<[يەشمىسى:] ھېسسىي بىلىش باسقۇچىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە تەۋە بىلىش جەريانى. ئىدراك ئاساسىدا ھاسىل بولىدۇ، ئىدراكتىن يۇقىرى تۇرىدۇ. بىلىش نەزەرىيىسىدە بەزىدە «ئوبراز» دەپمۇ ئېيتىلىدۇ.

تەستەك

  • تەستەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قولنىڭ سالالىرى بىلەن ئالىقان قوشۇلغان قىسمى، شاپىلاق:[مىسال:] تەستەك سالماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] شاپىلاق بىلەن بېرىلگەن زەربە:[مىسال:] تەستەك يېمەك.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كاچات:[مىسال:] ئۇ تەستىكىمگە بىرنى سالدى.

تەستەكلەتمەك

  • تەستەكلەتمەك[يەشمىسى:] «تەستەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەستەكلەشمەك

  • تەستەكلەشمەك[يەشمىسى:] «تەستەكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەستەكلەنمەك

  • تەستەكلەنمەك[يەشمىسى:] «تەستەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەستەكلىمەك

  • تەستەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەستەك بىلەن ئۇرماق، شاپىلاقلىماق:[مىسال:] ئانا قىزىنى بەزىدە دۆشكەلەپ، تەستەكلەپمۇ تاشلايتتى.

تەستىق

  • تەستىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① قارار قىلىپ قول قويۇش ياكى تامغا بېسىپ قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىش:[مىسال:] تەستىق سالماق.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنىڭ توغرىلىقى، ھەقلىقى، راستلىقىنى دەلىللەپ بېرىدىغان پاكىت، ئىسپات؛ ماقۇللۇق:[مىسال:] تەستىق سۆزى. * رەھبەرلىكنىڭ تەستىقىنى ئالماي، بۇ ئىشنى قىلىشقا بولمايدۇ.

تەستىقلاتماق

  • تەستىقلاتماق[يەشمىسى:] «تەستىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەستىقلاشماق

  • تەستىقلاشماق[يەشمىسى:] «تەستىقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەتراپتىكىلەرمۇ كۈلۈپ، باشلىرىنى لىڭشىتىپ بوۋاينىڭ سۆزلىرىنى تەستىقلاشتى.

تەستىقلانماق

  • تەستىقلانماق[يەشمىسى:] «تەستىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئويلىمىغان يەردە، ئەر-خوتۇن ئىككىمىزنىڭ ئىلتىماسىمىز تەڭلا تەستىقلىنىپ قالدى.

تەستىقلىماق

  • تەستىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قارار قىلىپ، قول قويۇپ ياكى تامغا بېسىپ قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلماق؛ تەستىق سالماق:[مىسال:] ئاپتونوم رايون بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنىڭ خاتىرىسىنى تەستىقلاپ تارقاتتى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش-ھەرىكەت، غايە، نىشان ۋە شۇ قاتارلىقلارنى توغرا دەپ قارىماق، ماقۇللىماق:[مىسال:] پادىشاھ ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تەستىقلاپتۇ.[يەشمىسى:] ③ توغرىلىقىنى دەلىللەپ بەرمەك، ئىسپاتلىماق:[مىسال:] ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ھۆكۈمەت ئادىمى ئىكەنلىكىنى تەستىقلاپ تۇرۇپتۇ.

تەستىقىي

  • تەستىقىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەستىقلانغان، توغرا دەپ قارالغان، توغرىلىقى ئىسپاتلانغان:[مىسال:] تەستىقىي ئۇقۇم.

تەسكەنⅠ

  • تەسكەنⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بىر خىل چاتقال. ئادەتتە ئاق تەسكەن ۋە قارا تەسكەن دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئاساسەن تاغلاردا ئۆسىدۇ.

تەسكەنⅡ

  • تەسكەنⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تىلغا چىقىدىغان بىر خىل ئۆسمە.

تەسكەي

  • تەسكەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈنگەي تەرەپكە قارىمۇقارشى بولغان، كۈن نۇرى بىۋاسىتە چۈشمەيدىغان تەرەپ:[مىسال:] تەسكەي ئۆسۈملۈكلىرى.∥ تەسكەي تەرەپ.

تەسكىن

  • تەسكىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تىنچلاندۇرۇش، تەسەللىي:[مىسال:] تەسكىن بەرمەك. تەسكىن تاپماق.

تەسلەشتۈرمەك

  • تەسلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «تەسلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇنداق قىلساق، ئىشنى تېخىمۇ تەسلەشتۈرۈۋالىمىز.

تەسلەشتۈرۈشمەك

  • تەسلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «تەسلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەسلەشتۈرۈلمەك

  • تەسلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «تەسلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھازىر ئىش تېخىمۇ تەسلەشتۈرۈلدى.

تەسلەشمەك

  • تەسلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قىيىنلاشماق، مۈشكۈللەشمەك، تەسكە توختىماق:[مىسال:] روتا كوماندىرى سېنى سۈرۈشتۈرۈپ قالسا، مېنىڭ جاۋاب بەرمىكىم تەسلىشىپ قالىدۇ.

تەسلىك

  • تەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىيىنلىق، مۈشكۈللۈك.

تەسلىم

  • تەسلىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يېڭىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىشتىن توختاش، باش ئېگىش، بويسۇنۇش:[مىسال:] تەسلىم بولماق. تەسلىم قىلماق.

تەسلىمچى

  • تەسلىمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غالىب كەلگەن تەرەپنىڭ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، قارشىلىق كۆرسىتىشنى توختىتىپ بويسۇنغۇچى:[مىسال:] تەسلىمچى ئۇنسۇرلار.

تەسلىمچىلىك

  • تەسلىمچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] غالىب كەلگەن تەرەپنىڭ شەرتلىرىنى قۇبۇل قىلىپ، قارشىلىق كۆرسىتىشنى توختىتىش، بويسۇنۇش؛ تەسلىم بولۇش سىياسىتى:[مىسال:] ئۇ ئوڭچىل تەسلىمچىلىككە قارشى ئىدى.

تەسلىمنامە

  • تەسلىمنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەغلۇپ بولغان تەرەپنىڭ غالىب كەلگەن تەرەپنىڭ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، قارشىلىق كۆرسىتىشنى توختىتىپ، تەسلىم بولغانلىقىنى ئىزھارلاپ يازغان خېتى، توختامى.

تەسۋى

  • تەسۋى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] خۇدانىڭ نامىنى زىكىر قىلىپ سانىلىدىغان مارجان تاش ۋە شۇ خىلدىكى نەرسىدىن قىلىنغان تىزىقچە:[مىسال:] تەسۋى تارتماق. تەسۋى سىيرىماق.

تەسۋىر

  • تەسۋىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ يازما، ئويما، قۇيما ياكى سىزما شەكلى؛ رەسىم، سۈرەت:[مىسال:] گرافىك تەسۋىر.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] نەرسە، ۋەقە، ھادىسە قاتارلىقلارنىڭ بەدىئىي ئىپادىسى:[مىسال:] مەنزىرە تەسۋىرى. روھىي ھالەت تەسۋىرى.

تەسۋىرچىلىك

  • تەسۋىرچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىي ئەسەرلەر يېزىقچىلىقىدىكى تەسۋىرنى ئاساس قىلىشتىن ئىبارەت بولغان بىر خىل يېزىقچىلىق ئۇسۇلى.

تەسۋىرلەتمەك

  • تەسۋىرلەتمەك[يەشمىسى:] «تەسۋىرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەسۋىرلەش

  • تەسۋىرلەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بەدىئىي ئەسەرلەردە، ھېكايە قىلغۇچى تەرىپىدىن شەخس ۋە ھادىسىلەرنىڭ بەلگە، خۇسۇسىيەت ۋە خاراكتېرلىرىنى مەلۇم ئىزچىللىق بىلەن كۆرسىتىپ بېرىدىغان يېزىقچىلىق ئۇسۇلى.

تەسۋىرلەشمەك

  • تەسۋىرلەشمەك[يەشمىسى:] «تەسۋىرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] نۇرغۇن مۇخبىرلار ئۇنىڭ نەمۇنىلىك ئىش-ئىزلىرىنى تەسۋىرلىشىپ خەۋەر، ماقالىلەرنى يېزىشتى.

تەسۋىرلەنمەك

  • تەسۋىرلەنمەك[يەشمىسى:] «تەسۋىرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەسۋىرلىمەك

  • تەسۋىرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئادەم، نەرسە، ۋەقە-ھادىسىلەرنى بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق كۆرسەتمەك، بايان قىلماق، ھېكايە قىلماق:[مىسال:] ئاپتور بۇ ئەدەبىي ئاخباراتىدا دېھقانلىرىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ناھايىتى ياخشى تەسۋىرلىگەن.

تەسۋىرىي

  • تەسۋىرىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەسۋىر تۈسىنى ئالغان، بەدىئىي، تەسۋىر شەكلىدىكى:[مىسال:] سىزاي لەيلى ئۈچۈن تەسۋىرىي سۈرەت، ئەگەر ئىلھام بەرسە قولۇمغا قۇۋۋەت.

تەسۋىسىمان

  • تەسۋىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەسۋىگە ئوخشاش، تەسۋى شەكىللىك؛ بوغۇم-بوغۇم:[مىسال:] بۇيىنىڭ قاسىراقسىمان مېۋىسى تەسۋىسىمان بولىدۇ.

تەسۋىقوناق

  • تەسۋىقوناق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تەسۋى+قوناق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.دېنى تۇخۇم شەكلىدە بولۇپ كۈل رەڭ كېلىدۇ. ئۇنى ئىستېمال قىلىشقا ياكى دورىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

تەسىر

  • تەسىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تاشقى ئامىللارنىڭ كىشى ياكى نەرسە ھالىتىنى، خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىش پائالىيىتى؛ تاشقى ئامىللارنىڭ ئادەم مېڭىسىدە قالدۇرغان ئىنكاسى:[مىسال:] قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى بىلەن تۇرپان ئاستانە ۋە قارغۇجىدىكى دېھقانلار لۈكچۈن ۋاڭغا قارشى قوزغالدى.[يەشمىسى:] ② ئابرۇي، ئىناۋەت، ئەتىۋار، نوپۇز:[مىسال:] نىياز داموللىنىڭ بۇ يەردىكى تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى.

تەسىرات

  • تەسىرات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئادەم مېڭىسىدە پەيدا قىلغان ئىنكاسى، ئالامىتى:[مىسال:] ئۇ مەندە ناھايىتى ئوبدان تەسىرات قالدۇردى.

تەسىرچان

  • تەسىرچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېز، نەتىجىلىك تەسىر بېرىدىغان؛ تېز تەسىرلەندۈرىدىغان؛ تەسىرلىك.

تەسىرچانلىق

  • تەسىرچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېز تەسىر قىلىش، تەسىرلىكلىك.

تەسىرسىز

  • تەسىرسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەسىرى يوق، تەسىر كۆرسەتمىگەن، تەسىر قىلمىغان؛ تەسىرلەنمەيدىغان، تەسىر كۈچى يوق.

تەسىرسىزلىك

  • تەسىرسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەسىرى ياكى تەسىرلەندۈرۈش كۈچى يوقلۇق، مەنىسىزلىك.

تەسىرلەندۈرگۈچ

  • تەسىرلەندۈرگۈچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەسىرلەندۈرىدىغان، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە، تەسىرلىك:[مىسال:] تەسىرلەندۈرگۈچ كۈچ.

تەسىرلەندۈرمەك

  • تەسىرلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «تەسىرلەنمەك»[يەشمىسى:] پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئادىلدىكى تېخنىكا يېڭىلاش روھى ئۇنى تەسىرلەندۈردى.

تەسىرلەندۈرۈلمەك

  • تەسىرلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «تەسىرلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەسىرلەنمەك

  • تەسىرلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تەسىراتقا ئىگە بولماق، تەسىر ئالماق:[مىسال:] ئۇلار مىرغەزەپنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل سوراپ كەلگەنلىكىدىن تەسىرلەندى.[يەشمىسى:] ② ھاياجانلانماق:[مىسال:] بۇ كىچىككىنە بالىنىڭ سۆزلىرىدىن باسىت قاتتىق تەسىرلەندى.

تەسىرلىك

  • تەسىرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، نەتىجىلىك، پايدىلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى گېزىت-ژۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلدى.[يەشمىسى:] ② كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان، كىشىدە كۈچلۈك تەسىرات قوزغايدىغان:[مىسال:] لۇتپۇللانىڭ بۇ تەسىرلىك سۆزلىرى دوستلىرىنىڭ قەلبىنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇرۇۋەتتى.

تەسىرلىنىشمەك

  • تەسىرلىنىشمەك[يەشمىسى:] «تەسىرلەنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەسىس

  • تەسىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بەرپا، تەشكىل:[مىسال:] تەسىس قىلماق. * ئۇچتۇرپاندا تۇنجى پەننىي مەكتەپلەرنى تەسىس قىلغۇچىلارنىڭ بىرىمەن.

تەشەببۇس

  • تەشەببۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا باشلاش؛ دالالەت، ئۈندەش، دەۋەت:[مىسال:] تەشەببۇس قىلماق.

تەشەببۇسچان

  • تەشەببۇسچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «تەشەببۇسكار»غا قاراڭ:[مىسال:] تەشەببۇسچان ئادەم. تەشەببۇسچان كادىر.

تەشەببۇسچانلىق

  • تەشەببۇسچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «تەشەببۇسكارلىق»قا قاراڭ.

تەشەببۇسچى

  • تەشەببۇسچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەشەببۇس قىلغۇچى، تەشەببۇسكار:[مىسال:] تەشەببۇسچى ئوقۇغۇچى. * مۇرات «ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ قۇراشتۇرىمىز» دېگۈچىلەرنىڭ باش تەشەببۇسچىسى ئىدى.

تەشەببۇسچىلىق

  • تەشەببۇسچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەشەببۇس قىلىش ئىشى، تەشەببۇسكارلىق.

تەشەببۇسكار

  • تەشەببۇسكار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى، تەشەببۇس قىلغۇچى:[مىسال:] ئۇ دەۋرنىڭ ئېغىر يۈكىنى كۆتۈرۈشتە تەشەببۇسكار بولدى.

تەشەببۇسكارلىق

  • تەشەببۇسكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇش، تەشەببۇسكار بولۇش:[مىسال:] ئادىل تەشەببۇسكارلىقنى قولدىن بەرمىدى.

تەشەببۇسلۇق

  • تەشەببۇسلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەشەببۇس رولىنى ئوينايدىغان، تەشەببۇس قىلىدىغان.

تەشەببۇسنامە

  • تەشەببۇسنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەت، پائالىيەت، كۈرەش قاتارلىقلارغا ئۈندەپ، دالالەت قىلىپ يېزىلغان خەت:[مىسال:] تەشەببۇسنامە ئەۋەتمەك.

تەشەككۈر

  • تەشەككۈر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مىننەتدارلىق، رەھمەت، مەمنۇنىيەت:[مىسال:] تەشەككۈر بىلدۈرمەك. تەشەككۈر ئېيتماق.

تەشەككۈرنامە

  • تەشەككۈرنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىراۋ ياكى بىرەر كوللېكتىپنىڭ قىلغان ياخشى خىزمەتلىرىنى تەبرىكلەپ بېرىلگەن يازما تەشەككۈر، تەقدىرنامە.

تەشتەك

  • تەشتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۈل ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قىرلىق ياكى يۇمىلاق قىلىپ ياسالغان، تېگىدە نەم ئۆتكۈزۈش تۆشۈكى بار ساپال قاچا.

تەشتۈرمەك

  • تەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «تەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تۆشۈك تەشتۈرمەك.

تەشرىپ

  • تەشرىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۇلۇغلاش، ھۆرمەت قىلىش، ئالدىغا بېرىش.[يەشمىسى:] ② «قەدەم» سۆزى بىلەن كېلىپ «بارماق، كەلمەك، قاتناشماق، داخىل بولماق» مەنىلەردە تەكەللۇپنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] قېنى، ئۆيىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلىشقايلا.

تەشكۈت

  • تەشكۈت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] لاپقۇت، ھەمكارلىق.

تەشكىل

  • تەشكىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۇيۇشۇش؛ ئورگان، تەشكىلات:[مىسال:] پارتىيە تەشكىلى. تەشكىل بولماق. تەشكىل قىلماق.

تەشكىلات

  • تەشكىلات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىجتىمائىي ئىگىلىك بىرلەشمىسى ياكى دۆلەت مۇئەسسەسىسى:[مىسال:] ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى بۇنىڭغا ئارىلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر مەقسەت-مۇددىئا ۋە ياكى بىرەر مەسلەك يولىدا ئۇيۇشقان بىرلىك، بىرلەشمە:[مىسال:] ساۋۇتجان بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق سىلىڭى بولۇپ كۆتۈرۈلدى.

تەشكىلاتچى

  • تەشكىلاتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر تەشكىلاتنى قۇرغۇچى، بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭغا باشچىلىق قىلغۇچى.

تەشكىلاتچىلىق

  • تەشكىلاتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى تەشكىللەش ياكى بىرەر تەشكىلاتنى قۇرۇش ئىشى، ھەرىكىتى:[مىسال:] ئۇلار بۇ ھەرىكەتتە ئۆزلىرىنىڭ تەشكىلاتچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

تەشكىلچان

  • تەشكىلچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەشكىلىي ئىنتىزام كۆز قارىشى كۈچلۈك، تەشكىلگە تولۇق بويسۇنىدىغان:[مىسال:] تەشكىلچان بالا.

تەشكىلچانلىق

  • تەشكىلچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەشكىلچان بولۇش.

تەشكىلسىز

  • تەشكىلسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تەشكىللەنمىگەن، چۇۋالچاق، تەشكىلى يوق:[مىسال:] تەشكىلسىز قوشۇن.[يەشمىسى:] ② تەشكىلگە بويسۇنمايدىغان، ئىنتىزامسىز:[مىسال:] تەشكىلسىز ئادەم.

تەشكىلسىزلىك

  • تەشكىلسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەشكىلسىز ھالەت.

تەشكىللەتمەك

  • تەشكىللەتمەك[يەشمىسى:] «تەشكىللىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەشكىللەشمەك

  • تەشكىللەشمەك[يەشمىسى:] «تەشكىللىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەشكىللەنمەك

  • تەشكىللەنمەك[يەشمىسى:] ① «تەشكىللىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ياش يىگىتلەر ئويغىنىپ، تەشكىللەندى سەپ تۈزۈپ. كۆتۈرۈشكە قوزغىلاڭ، ياۋغا قارشى يەڭ تۈرۈپ.[يەشمىسى:] ② «تەشكىللىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] زاۋۇت پارتىيە كومىتېتىنىڭ قوللىشى بىلەن قۇراشتۇرۇش گۇرۇپپىسى تەشكىللەندى.

تەشكىللىك

  • تەشكىللىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەشكىلى بار، چۇۋالچاق ئەمەس، تەشكىللەنگەن:[مىسال:] شۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى تەشكىللىك، پىلانلىق ئىدى.

تەشكىللىمەك

  • تەشكىللىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تەشكىلى بار، ئويۇشقان، ئۆملەشكەن ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] يەر تېرىساق چالمىنى، ئەر ۋە ئايال چوقۇيدۇ. تەشكىللىسەك ئاممىنى، ئىشلەپ ناخشا ئوقۇيدۇ.[يەشمىسى:] ② قۇرماق، بارلىققا كەلتۈرمەك:[مىسال:] رەھبەرلىك بۇ ئەترەتنى ئايرىپ باغۋەنچىلىك مەيدانى قىلىپ تەشكىللىدى.

تەشكىلىي

  • تەشكىلىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەشكىلگە ئائىت؛ تەشكىللەش، تۈزۈلۈش بىلەن باغلىنىشلىق بولغان:[مىسال:] ئىدارىنىڭ تەشكىلىي خىزمەتلىرىگە مەسئۇلمەن.

تەشمە

  • تەشمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۆشۈك ئاچىدىغان، تېشىدىغان:[مىسال:] تەشمە ئىستانوك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆشۈك، كامار:[مىسال:] زەربىدارلار تەشمىنى تېشىپ ئۆتتى.

تەشمەك

  • تەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۆشۈك ئاچماق، تۆشۈك ھاسىل قىلماق:[مىسال:] تامچە سۇ تاشنى تېشەر (ماقال).

تەشنا

  • تەشنا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① سۇسىرىغان، چاڭقىغان؛ سۇغا زار:[مىسال:] بېلىق دەريادا سۇغا تەشنا (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] موھتاج، ئىنتىزار:[مىسال:] تەشنا بولماق.

تەشنالىق

  • تەشنالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۇسسۇزلۇق، چاڭقاقلىق:[مىسال:] تەر بىلەن كەلگەن، تەشنالىققا داۋا (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە موھتاجلىق، ئىنتىزارلىق:[مىسال:] ئۇ قولۇمدىكى نانغا تەشنالىق بىلەن قاراپ تۇراتتى.

تەشۋىش

  • تەشۋىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قايغۇ، غەم-ئەندىشە، ئارامسىزلىق:[مىسال:] تەشۋىش قىلماق. تەشۋىشتە ئولتۇرماق.

تەشۋىشسىز

  • تەشۋىشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەشۋىشى يوق، خاتىرجەم، تىنچ:[مىسال:] ئارىدىن بىر يىل ئۆتتى. تىكەندەك يالغۇز قالغان بوۋاي كۈنلەرنى ئۆز غەمخانىسىدا تىنچ ۋە تەشۋىشسىز ئۆتكۈزۈۋاتاتتى.

تەشۋىشلەندۈرمەك

  • تەشۋىشلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «تەشۋىشلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ۋەقە ھەممىنى خۇشاللاندۇردى ۋە تەشۋىشلەندۈردى.

تەشۋىشلەندۈرۈلمەك

  • تەشۋىشلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «تەشۋىشلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەشۋىشلەنمەك

  • تەشۋىشلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قايغۇرماق، خەۋپسىرىمەك، چۆچۈمەك، قورقماق، ئەندىشە قىلماق؛ ئەنسىرىمەك.

تەشۋىشلىك

  • تەشۋىشلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەشۋىشى بار، خاتىرجەم ئەمەس، تەشۋىشكە تولغان:[مىسال:] ئۇنىڭ چىرايى تەشۋىشلىك ۋە قانسىز، كۆزلىرىنىڭ ئاستى كۆكەرگەنىدى.

تەشۋىق

  • تەشۋىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا سەپەرۋەر قىلىش ياكى بىرەر نەرسىنى چۈشەندۈرۈش يۈزىسىدىن ئاغزاكى ياكى يازما رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت؛ تەشۋىقات:[مىسال:] تەشۋىق قىلماق.

تەشۋىقات

  • تەشۋىقات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەشۋىق-تەرغىب پائالىيىتى:[مىسال:] تەشۋىقات بۆلۈمى.

تەشۋىقاتچى

  • تەشۋىقاتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەشۋىقات ئېلىپ بارغۇچى كىشى.

تەشۋىقاتچىلىق

  • تەشۋىقاتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەشۋىق قىلىش، تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئىشلىرى.

تەشۋىق-تەربىيە

  • تەشۋىق-تەربىيە[يەشمىسى:] تەشۋىق ھەم تەربىيە:[مىسال:] ناھىيىلىك پارتكوم ئىشنى تەشۋىق-تەربىيىدىن باشلىدى.

تەشۋىق-تەرغىب

  • تەشۋىق-تەرغىب[يەشمىسى:] تەشۋىق ۋە تەرغىب:[مىسال:] مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدىكى تەشۋىق-تەرغىب ئىشلىرىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىش لازىم.

تەشۋىقىي

  • تەشۋىقىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەشۋىقاتقا، تەشۋىقات يۈرگۈزۈشكە ئائىت:[مىسال:] تەشۋىقىي ماتېرىياللار.

تەقەززا

  • تەقەززا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ۋەزىيەت ياكى ھالەتتىن كېلىپ چىقىدىغان تەلەپ، ئېھتىياج، زۆرۈرىيەت:[مىسال:] رەھبەرلىك قاتلىمىنى تەڭشەش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى.[يەشمىسى:] ② تەشنا، ئىنتىزار:[مىسال:] تەقەززا بولماق.

تەقەززالىق

  • تەقەززالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەقەززا بولۇش، تەقەززا بولغان ھالەت.

تەقدىرⅠ

  • تەقدىرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىنىي چۈشەنچە بويىچە، ئالدىن بەلگىلەپ قويۇلغان، پېشانىگە پۈتۈلگەن كۆرگۈلۈك؛ قىسمەت:[مىسال:] تەقدىرگە تەن بەرمەك.[يەشمىسى:] ② كېلەچەك، ئاقىۋەت، ئىستىقبال:[مىسال:] بۇ يىغىن لەنگەر خەلقىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك جىددىي يىغىن.

تەقدىرⅡ

  • تەقدىرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ماددىي ۋە مەنىۋى مۇكاپات:[مىسال:] تەقدىرگە ئېرىشمەك.

تەقدىر-تەنقىد

  • تەقدىر-تەنقىد[يەشمىسى:] تەقدىر ھەم تەنقىد:[مىسال:] خاپا بولماڭ، تەقدىر-تەنقىدنىڭ كۈتكىنى بىر.

تەقدىرچىلىك

  • تەقدىرچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] تەقدىرنىڭ ھۆكۈمىگە تەن بېرىشنى، رېئاللىقنى ئۆزگەرتىش يولىدا ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىدىغان بىرخىل قاراش.

تەقدىرداش

  • تەقدىرداش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەقدىرى بىر، تەقدىرى ئوخشاش.

تەقدىرداشلىق

  • تەقدىرداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەقدىرى ئوخشاشلىق، بىردەكلىك:[مىسال:] تەقدىرداشلىق بىزنى يېقىن دوستلارغا ئايلاندۇردى.

تەقدىردە

  • تەقدىردە[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] «-غان، -قان، -گەن، -كەن» بىلەن ياسالغان سۈپەتداشلاردىن كېيىن كېلىپ، «شۇنداق ھالەتتە، شۇنداق بولغان ئەھۋالدا» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] قانۇن تۈزۈپ چىقىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان دۆلەت ھاكىمىيىتى بولمىسا، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى بولمايدۇ.

تەقدىرلەتمەك

  • تەقدىرلەتمەك[يەشمىسى:] «تەقدىرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەقدىرلەشمەك

  • تەقدىرلەشمەك[يەشمىسى:] «تەقدىرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەقدىرلەنمەك

  • تەقدىرلەنمەك[يەشمىسى:] «تەقدىرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] لۇتپۇللا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات بىلەن تەقدىرلەندى.

تەقدىرلىمەك

  • تەقدىرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن مۇكاپاتلىماق:[مىسال:] مۇخپۇل تاغام مېنى دادۈيدە تەقدىرلىدى. يەنە تەقدىرنامە بەردى.

تەقدىرنامە

  • تەقدىرنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئالاھىدە ياخشى نەتىجە ياراتقانلارنىڭ تەقدىرلەنگەنلىكى ھەققىدە بېرىلگەن ئىسپات قەغىزى.

تەقدىر-ئىرادە

  • تەقدىر-ئىرادە[يەشمىسى:] تەقدىر ھەم ئىرادە:[مىسال:] تەقدىر-ئىرادە بىلەن بىز ئەنجانغا چىقىپ كەتكىلى ئىككى يىل بولغان.

تەقدىم

  • تەقدىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بېرىش، ئىنئام؛ ھەدىيە:[مىسال:] تەقدىم قىلماق.

تەقرىبىي

  • تەقرىبىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] بەكمۇ ئېنىق ئەمەس، لېكىن ھەقىقىي قىممەتكە يېقىن:[مىسال:] تەقرىبىي سان. تەقرىبىي قىممەت.

تەقرىز

  • تەقرىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بىرەر كىتاب ياكى ماقالە ھەققىدە يېزىلغان ئوبزور ۋە ياكى كىتاب تونۇشتۇرۇلغان ماقالە.

تەقرىزچى

  • تەقرىزچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەقرىز يازىدىغان كىشى؛ تەقرىز ئاپتورى.

تەقرىزچىلىك

  • تەقرىزچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەقرىز يېزىش ئىشى؛ تەقرىز يېزىش كەسپى.

تەقسىر

  • تەقسىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «جانابلىرى، ئۆزلىرى، ئەپەندىم» قاتارلىق مەنىلەردىكى ھۆرمەت سۆزى:[مىسال:] بۇنىڭ تېگىدە بىر گەپ بار، تەقسىر

تەقسىم

  • تەقسىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تېگىشلىكى بويىچە بۆلۈش، ئايرىش:[مىسال:] تەقسىم قىلماق. تەقسىم بولماق.

تەقسىمات

  • تەقسىمات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆز ئۈلۈشىنى، تېگىشلىكىنى ئاجرىتىپ بېرىش، تەقسىم قىلىش؛ بۆلۈش:[مىسال:] ئىش تەقسىماتى. دارامەت تەقسىماتى.

تەقسىماتچىلىق

  • تەقسىماتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەقسىملەش، تەقسىم قىلىش:[مىسال:] تەڭ تەقسىماتچىلىق.

تەقسىملەتمەك

  • تەقسىملەتمەك[يەشمىسى:] «تەقسىملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تەقسىملىتىپ بەرمەك.

تەقسىملەشمەك

  • تەقسىملەشمەك[يەشمىسى:] «تەقسىملىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەقسىملەنمەك

  • تەقسىملەنمەك[يەشمىسى:] «تەقسىملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئوقۇشنى پۈتكۈزۈپ، ساقچىخانىغا خىزمەتكە تەقسىملەندى.

تەقسىملىمەك

  • تەقسىملىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تېگىشلىك بولغان ئۈلۈشىنى ئاجرىتىپ بەرمەك؛ ئۈلەشتۈرمەك، بۆلمەك:[مىسال:] دارامەت تەقسىملىمەك.[يەشمىسى:] ② بىرەر ۋەزىپىگە، ئىشقا تەيىنلىمەك، بەلگىلىمەك:[مىسال:] ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەقسىملىمەك.

تەققاس

  • تەققاس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش:[مىسال:] تەققاس قىلماق.

تەققاسلىماق

  • تەققاسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزئارا سېلىشتۇرماق، تەڭلەشتۈرمەك.

تەقلىد

  • تەقلىد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① باشقىلارغا ئەگىشىش، ئوخشىتىش، دوراش، ئوخشاتما:[مىسال:] تەقلىد قىلماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر تىلى سۆز تۈركۈملىرىنىڭ بىرى، يەنى كىشىنىڭ ئاڭلاش سېزىمى، كۆرۈش سېزىمى ۋە ھېسسىي سېزىمىگە تەقلىد قىلىنغان سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ۋاراڭ-چۇرۇڭ، ئىمىر-چىمىر، جىغ، پىچىر-پىچىر دېگەنگە ئوخشاشلار.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن ئادەم ۋە جانلىق، جانسىز نەرسىلەرنىڭ ئاۋازىنى، ھالىتىنى ئۆز پېتىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى.

تەقلىدتە

  • تەقلىدتە[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] شۇنىڭغا ئوخشاش ھالەتتە، خىلدا، پېتى؛ شەكىلدە:[مىسال:] بەختىگۈل تېخىچە شۇ تەقلىدتە تۇراتتى.

تەقلىدچى

  • تەقلىدچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا تەقلىد قىلغۇچى، تەقلىد قىلىپ ماڭغۇچى؛ ئوخشاتقۇچى، دورىغۇچى.

تەقلىدچىلىك

  • تەقلىدچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا تەقلىد قىلىش؛ تەقلىدىي يول؛ دورامچىلىق.

تەقلىدىي

  • تەقلىدىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەقلىد قىلىنغان، تەقلىد نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن:[مىسال:] تەقلىدىي ئەسەر. تەقلىدىي شېئىر.

تەقۋا

  • تەقۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئۆزىنى يامان ئىشلاردىن يىراق تۇتۇپ، ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇش:[مىسال:] ئەھلى تەقۋا. ∥تەقۋا ئايال.

تەقۋادار

  • تەقۋادار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] يامان ئىشلاردىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇپ، ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولىدىغان، پەرھىزكار، خۇداگۇي، دىندار:[مىسال:] ئۇنىڭ خوتۇنى تولىمۇ تەقۋادار، خۇداگۇي مەزلۇمە.

تەقۋادارلىق

  • تەقۋادارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەقۋادار بولۇش، خۇداگۇيلۇق، پەرھىزكارلىق.

تەقۋالىق

  • تەقۋالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇپ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇش:[مىسال:] ئۇنىڭ تەقۋالىقى يۇرت خەلقىنى قايىل قىلغانىدى.

تەقىب

  • تەقىب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەركىن ھەرىكەت قىلىشقا ھەر خىل يول بىلەن قىلىنغان توسقۇنلۇق، نازارەت:[مىسال:] تەقىب قىلماق.

تەقىبلەشمەك

  • تەقىبلەشمەك[يەشمىسى:] «تەقىبلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەقىبلەنمەك

  • تەقىبلەنمەك[يەشمىسى:] «تەقىبلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەقىبلىمەك

  • تەقىبلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سەزدۈرمەي كۆزەتمەك، نازارەت قىلماق، تەقىب ئاستىغا ئالماق:[مىسال:] تەقىب قىلماق.

تەقى-تۇرقى

  • تەقى-تۇرقى[يەشمىسى:] قەددى-قامىتى، رەڭگى-تەلەتى:[مىسال:] ئۇ تەقى-تۇرقى كېلىشكەن يىگىت ئىدى.

تەقىيە

  • تەقىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تۆپە قىسمى سىدام، جىيىكى كالۋۇتۇندىن تىكىلگەن باش كىيىم؛ بۆك:[مىسال:] تاز باشقا يېشىل تەقىيە (ماقال).

تەك

  • تەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈزۈم ئۆسۈملۈكى، تېلى؛ بارىڭى.

تەكە

  • تەكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بالدۇر پىشىدىغان شاپتۇل.

تەكەببۇر

  • تەكەببۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، كىبىرلىك:[مىسال:] بۇ قەدەر تەكەببۇر ئايالنى كۆرۈشى تېخى تۇنجى قېتىم ئىدى.

تەكەببۇرانە

  • تەكەببۇرانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] تەكەببۇرلۇق بىلەن، كىبىر بىلەن:[مىسال:] ئارزۇگۈل مۇشۇلارنى ئويلاپ تەكەببۇرانە كۈلۈمسىرەپ قويدى.

تەكەببۇرلاشتۇرماق

  • تەكەببۇرلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «تەكەببۇرلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كىچىككىنە ئەمەل ئۇنى بەكمۇ تەكەببۇرلاشتۇرۇۋەتتى.

تەكەببۇرلاشماق

  • تەكەببۇرلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كىبىر پەيدا بولماق، ھاكاۋۇرلاشماق:[مىسال:] ئەختەم خېلى تەكەببۇرلىشىپ قالغانىدى.

تەكەببۇرلۇق

  • تەكەببۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، ھاكاۋۇرلۇق.

تەكەللۇپ

  • تەكەللۇپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىلەرگە ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلەن قىلىنغان مۇئامىلە:[مىسال:] تەكەللۇپ قىلماق. * ئۇلار قازىنى تەكەللۇپ بىلەن قارشى ئالدى.

تەكەللۇپچان

  • تەكەللۇپچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەكەللۇپچى.

تەكەللۇپچى

  • تەكەللۇپچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەكەللۇپ قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان:[مىسال:] شەمشىقارى بەكمۇ تەكەللۇپچى، خۇشخۇي ئادەم ئىدى.

تەكەللۇپسىز

  • تەكەللۇپسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەكەللۇپ خاراكتېرىنى ئالمىغان:[مىسال:] تەكەللۇپسىز گەپ. ∥ۋايىت ئەپەندى ئۆيگە تەكەللۇپسىزلا كىرىپ كەلدى.

تەكەللۇپلۇق

  • تەكەللۇپلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەكەللۇپ خاراكتېرىنى ئالغان:[مىسال:] مەن سىزنىڭ بۇنداق تەكەللۇپلۇق سۆزلەرنى قىلىشىڭىزنى ياقتۇرمايمەن.

تەكەللۇم

  • تەكەللۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] سۆھبەت، گەپ-سۆز:[مىسال:] تۇرىدۇ تۇرقىڭ غەزەلدەك كۆزۈكۆڭلۈڭ ئالدىدا، مەن تېخى لال سەن كەبى شېرىن تەكەللۇم ئالدىدا.

تەكبىر

  • تەكبىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئاللاھۇ ئەكبەر (ئاللا ئەڭ ئۇلۇغدۇر) دېگەن ئىبارىنى ئېيتىش:[مىسال:] تەكبىر ئېيتماق.

تەكت

  • تەكت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرنەرسىنىڭ ئاستى قىسمى، ئۇلى:[مىسال:] يەرنىڭ تەكتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەسلىسى، كېلىش مەنبەسى، كېلىپ چىقىشى، تېگى:[مىسال:] بۇ قىزنىڭ تەكتىنى بىلدىڭىزمۇ[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەزمۇنى، ماھىيىتى، سىرى:[مىسال:] ئۇنىڭ گېپىنىڭ تەكتىگە يەتكەن ھاجى ئەلەم بىلەن ئۇھ تارتتى.

تەكچە

  • تەكچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆي ۋە ھويلا تاملىرىغا چىقىرىلغان قىرماق، ئويۇق.

تەكرار

  • تەكرار[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىككىنچى ياكى كۆپ قېتىم؛ ياندۇرمىلاپ، قايتا-قايتا:[مىسال:] سۆزۈڭ تاتلىق بولسىمۇ، تەكرار سۆزلىمە (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆگەنگەننى پۇختىلاش، مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان قايتا ئۆگىنىش، مۇزاكىرە:[مىسال:] بىر كۈنى كەچقۇرۇن ئۇ كەچلىك تەكرارغا چىقماي ياتاقتا ئولتۇرغاندا، ئىشىك يېنىك چېكىلدى.

تەكرارەن

  • تەكرارەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىككىنچى ياكى كۆپ قېتىم؛ يەنە، باشقىدىن، قايتىدىن:[مىسال:] تەكرارەن ئېيتىلغان سۆز.

تەكرار-تەكرار

  • تەكرار-تەكرار[يەشمىسى:] قايتا-قايتا، يەنە-يەنە، توختىماي.

تەكرارلاتماق

  • تەكرارلاتماق[يەشمىسى:] «تەكرارلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دەرس تەكرارلاتماق.

تەكرارلاشماق

  • تەكرارلاشماق[يەشمىسى:] «تەكرارلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەكرارلانماق

  • تەكرارلانماق[يەشمىسى:] «تەكرارلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەكرارلىماق

  • تەكرارلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىككىنچى ياكى كۆپ قېتىم تەكرار قىلماق؛ قايتىلىماق، ياندۇرمىلىماق:[مىسال:] گەپنى تەكرارلىماق.[يەشمىسى:] ② ئۆگەنگەننى قايتا پىششىقلىماق، مۇزاكىرە قىلماق:[مىسال:] بىز بۈگۈن سىنىپتا تارىخ دەرسىنى تەكرارلىۋالدۇق.

تەكشۈرتمەك

  • تەكشۈرتمەك[يەشمىسى:] «تەكشۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەكشۈرگۈچى

  • تەكشۈرگۈچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەكشۈرۈش ئىشىنى بېجىرىدىغان، تەكشۈرىدىغان خادىم، كىشى:[مىسال:] ئەتە ئىدارىمىزگە تەكشۈرگۈچىلەر كېلىدىكەن.

تەكشۈرمەك

  • تەكشۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۆزدىن كەچۈرمەك، ئېنىقلىماق، بىلمەك:[مىسال:] ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، ئۈچ ئائىلىنى تەكشۈردى.[يەشمىسى:] ② تەتقىق قىلماق:[مىسال:] تىل تەكشۈرمەك.[يەشمىسى:] ③ نازارەت، تەپتىش قىلماق:[مىسال:] مال باھاسىنى تەكشۈرمەك.[يەشمىسى:] ④ سەۋەنلىكلىرىنى تونۇماق، تاپشۇرماق:[مىسال:] ئۆزىنى تەكشۈرمەك.

تەكشۈرۈلمەك

  • تەكشۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «تەكشۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەكشى

  • تەكشى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈستى، يۈزى ئېگىز-پەس ئەمەس، تۈز:[مىسال:] تاغنىڭ ئۈستى تەكشى كەتكەن ئوتلاق ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئالا قويماي، بىر خىل؛ ئوخشاش ھالەتتە:[مىسال:] ئېلېكتر چىرىغى ھەممە كىشىلەرنىڭ چىرايىنى تەكشى يورۇتۇپ، گويا كۈندۈزنى ئەسلىتەتتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئوخشاش، تەڭمۇتەڭ:[مىسال:] ھويلىدىكى ئالمىنىڭ شاخلىرى تەكشى قىرقىلغان، پۈتۈن ھويلا پاكىز، تىپتىنچ ئىدى.

تەكشىسىز

  • تەكشىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەكشى ئەمەس، ئېگىز-پەس ياكى ئوي-دوڭغۇل، تەكشىلەنمىگەن:[مىسال:] سۆيگۈنۈم ئاچقاندا يۈز نۇرى جامالى تەپتىدىن، تەكشىسىز يەردە سىمابتەك بىتىنىم لەرزانىمەن.

تەكشىسىزلىك

  • تەكشىسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەكشى ئەمەس ھالەت.

تەكشىلەتمەك

  • تەكشىلەتمەك[يەشمىسى:] «تەكشىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئېتىزلارنى تەكشىلەتمەك.

تەكشىلەشمەك

  • تەكشىلەشمەك[يەشمىسى:] «تەكشىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەكشىلەنمەك

  • تەكشىلەنمەك[يەشمىسى:] «تەكشىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەكشىلىك

  • تەكشىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باراۋەر، تەكشى ھالەت:[مىسال:] تەكشىلىكنى ساقلىماق.

تەكشىلىمەك

  • تەكشىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەكشى ھالەتكە كەلتۈرمەك، تەكشى قىلىپ ياسىماق:[مىسال:] تېرىلغۇ ئېتىزلىرىنى تەكشىلىمەك.

تەكلىپ

  • تەكلىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① پىكىر، مەسلىھەت:[مىسال:] تەكلىپ بەرمەك.[يەشمىسى:] ② بىركىمنى ياكى كوللېكتىپنى چاقىرىش ھەققىدىكى ئىلتىماس، چاقىرىق، دالالەت:[مىسال:] تويغا تەكلىپ قىلماق.

تەكلىپنامە

  • تەكلىپنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] يىغىن، توي، چاي ۋە شۇ قاتارلىقلارغا تەكلىپ قىلىپ يېزىلغان خەت؛ چاقىرىق قەغىزى، باغاق:[مىسال:] تەكلىپنامە يازماق. تەكلىپنامە ئەۋەتمەك.

تەكلىك

  • تەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەك ئۆستۈرۈلگەن، تەك كۆپ جاي؛ ئۈزۈملۈك.

تەكىت

  • تەكىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئالاھىدە ئۇقتۇرۇپ ئېيتىش، قايتىلاپ، جېكىلەپ ئېيتىش.

تەكىتلەتمەك

  • تەكىتلەتمەك[يەشمىسى:] «تەكىتلىمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەكىتلەشمەك

  • تەكىتلەشمەك[يەشمىسى:] «تەكىتلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بۇ ئىشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتى.

تەكىتلەنمەك

  • تەكىتلەنمەك[يەشمىسى:] «تەكىتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەكىتلىمەك

  • تەكىتلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۇھىم نۇقتىنى ئالاھىدە كۆرسەتمەك؛ ئالاھىدە تاپىلاپ ئەسكەرتمەك.

تەكىيە

  • تەكىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىچىگە توزغاق قاتارلىق يۇمشاق نەرسە سېلىنىپ تەييارلانغان، تۇلۇق شەكىللىك ياستۇق.

تەكىيىسىمان

  • تەكىيىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەكىيە شەكلىدىكى، تەكىيىگە ئوخشاش:[مىسال:] تەكىيىسىمان تۈزۈلمە.

تەكىيىلىك

  • تەكىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەكىيە ئۈچۈن تەييارلانغان، تەكىيىگە باب كېلىدىغان:[مىسال:] تەكىيىلىك رەخت. بىر تەكىيىلىك توزغاق.

تەگⅠ

  • تەگⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① نەرسىنىڭ ئاستى؛ نەرسە ئىگىلەپ، ئىشغال قىلىپ تۇرغان جاي:[مىسال:] باراڭ تېگىدىكى سۇپىغا گۈل بېسىلغان يېڭى كىگىز سېلىنغانىدى.[يەشمىسى:] ② نەرسىنىڭ ئەڭ پەستىكى قىسمى، تۈۋى:[مىسال:] رەسىمنىڭ تېگىگە:[مىسال:] «ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار» دېگەن سۆز يېزىلغانىدى.[يەشمىسى:] ③ نەرسىلەرنىڭ ئىچكى پەس قىسمى، ئارىسى، ئىچى:[مىسال:] ساماننىڭ تېگىدە نېمە قىلىۋاتىسىلەر، قاراڭلار سىلەرنى، ئويۇن تېپىلمىغاندەك قىلىپ يۈرگەن ئىشىڭلارنى.[يەشمىسى:] ④ قازان ۋە قاچا-قۇمۇچتىكى ئاش قاتارلىقلارنىڭ ئاستى قىسمى:[مىسال:] ئاشنىڭ تېگى كۆيدى.[يەشمىسى:] ⑤ رەخت قاتارلىقلارنىڭ گۈل بېسىلىشتىن بۇرۇنقى پېتى، ئەسلىي ھالىتى:[مىسال:] ۋىۋىسكىلارنىڭ تېگى سېرىق، خېتى يېشىل ئىدى.[يەشمىسى:] ⑥ بىرەر ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆز قاتارلىقلارنىڭ نېگىزى، يوشۇرۇن مەنىسى، ماھىيەت:[مىسال:] گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار، ساقالنىڭ تۈۋىدە خەپ بار (ماقال).[يەشمىسى:] ⑦ بىركىمنىڭ ئەسلىسى، زاتى، كېلىپ چىقىشى:[مىسال:] تېگى پەس.[يەشمىسى:] ⑧ ئاساس، ئۇل:[مىسال:] تېگى يوق خىيال. تېگى بوش.

تەگكۈزمەك

  • تەگكۈزمەك[يەشمىسى:] «تەگمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بالىسىنىڭ پېشانىسىغا قولىنى تەگكۈزۈپ، چۆچۈپ كەتتى.

تەگسىز

  • تەگسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېگى يوق، ئىنتايىن چوڭقۇر، تىرەن:[مىسال:] ئۇلار ئىككىسى سۆزلەشتىن توختاپ، تەگسىز خىياللار ئىچىدە ئۈنسىز كېتىپ باراتتى.

تەگكۈزۈلمەك

  • تەگكۈزۈلمەك[يەشمىسى:] «تەگكۈزمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەگلىك

  • تەگلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېگى بار، تەگ ئورنىتىلغان:[مىسال:] كېمە ئەترىتى ئون ئۈچ تەكشى تەگلىك كېمىدىن تەركىب تاپقانىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاستىدا تۇرىدىغان، ئاساس بولىدىغان:[مىسال:] ئەرەب تىلىدىكى «ى، و، ا»لار ھەمزىنىڭ تەگلىك ھەرپلىرىدۇر.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەگ ئۈچۈن تەييارلانغان، تەگ بولۇشقا لايىق:[مىسال:] تەگلىك رەخت. تەگلىك لىم.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئاستىنقى بۆلىكى، ئۇلى:[مىسال:] گىرنىڭ تەگلىكى. تۈۋرۈكنىڭ تەگلىكى.

تەگمەك

  • تەگمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تاقالماق، تاقاشماق:[مىسال:] ئېگىلگەنگە ئېگىل، بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە. غادايغانغا غاداي، بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئۇرۇلماق:[مىسال:] قاتتىق تەگكەن بىر شاپىلاق بىلەن ئۇ تىرىڭڭىدە كەينىگە يىقىلدى.[يەشمىسى:] ③ چاچراپ، تېمىپ، سۈركىلىپ ئىز، داغ قالدۇرماق، يۇقماق:[مىسال:] چاپانغا داغ تەگمەك.[يەشمىسى:] ④ تاپشۇرۇلماق (ئەۋەتىلگەن نەرسە ھەققىدە):[مىسال:] ئاكام يازغان خەت تەگدى.[يەشمىسى:] ⑤ بىرەر نەرسە ياكى ئەمەل قاتارلىقلارغا ئىگە بولماق، ئېرىشمەك:[مىسال:] ئەمەل تەگمەك.[يەشمىسى:] ⑥ تۇرمۇشقا چىقماق، ياتلىق بولماق:[مىسال:] ئەرگە تەگمەك.[يەشمىسى:] ⑦ بىركىمنىڭ نومۇسىغا، ئىززەت-ھۆرمىتىگە چېقىلماق؛ داغ كەلتۈرمەك:[مىسال:] نومۇسىغا تەگمەك.[يەشمىسى:] ⑧ تەسىرى ئۆتۈپ زىيان قىلماق، كار قىلماق:[مىسال:] سوغۇق تەگمەك.[يەشمىسى:] ⑨ ئېغىر تۇيۇلماق، چىڭ كەلمەك، قاتتىق تۇيۇلماق:[مىسال:] ئىلشاتقا كېيىنكى چاقچاق تېگىپ كەتتى.[يەشمىسى:] 01 بېسىپ كىرمەك، ھۇجۇم قىلماق، چېقىلماق:[مىسال:] بىر قىسمىڭلار شەھەرگە دەرھال تېگىش لازىم دەيسىلەر، توغرا، مەنمۇ شۇنداق خىيال قىلىمەن.

تەگمىش

  • تەگمىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تەگكىنى؛ تەگكەن نەرسە، مىراس.

تەگۋاز

  • تەگۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۆك تاماكا.

تەڭ

  • تەڭ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوخشاش، باراۋەر:[مىسال:] قاپ ھېچقاچان تاغار بىلەن تەڭ بولالمايدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە ماس، مۇۋاپىق؛ باراۋەر:[مىسال:] تەڭ تېڭى بىلەن، تېزەك قېپى بىلەن (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىر-بىرىدىن قېلىشمايدىغان، دەمبەسقەدەم، بىر ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە؛ باراۋەر:[مىسال:] ھەممە تەڭ كۈلۈشتى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئىككىدىن بىرى، يېرىمى:[مىسال:] تۈن تەڭ بولماقتا، بالا ھوشىغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئانا قەلبى بىھوش ئىدى.

تەڭ تۇرماق

  • تەڭ تۇرماق[يەشمىسى:] تاقابىل كەلمەك:[مىسال:] دىلشات باشقىلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىغا تەڭ تۇرالايدىغانلىقىنى بىر كۆرسىتىپ قويماقچى بولدى.

تەڭ شېرىك

  • تەڭ شېرىك[يەشمىسى:] پايدا زىيانغا تەڭ ئىگە بولىدىغان شېرىك.

تەڭ-باراۋەر

  • تەڭ-باراۋەر[يەشمىسى:] تەڭ ھەم باراۋەر، ھەممە جەھەتتىن ئوخشاش:[مىسال:] ئۇ ئەزەلدىن كىشىلەرگە تەڭ-باراۋەر مۇئامىلىدە بولىدۇ.

تەڭباسقۇ

  • تەڭباسقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تەڭ+باسقۇ[[يەشمىسى:] گىلەم توقۇش دۇكىنىدىكى گۇندا ياغاچنى كۆتۈرۈش، چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان پىشاڭ.

تەڭپۇڭ

  • تەڭپۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] باراۋەر، ئوخشاش:[مىسال:] تەڭپۇڭ بولماق.

تەڭپۇڭسىز

  • تەڭپۇڭسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەڭپۇڭ بولمىغان، تەڭپۇڭ ئەمەس:[مىسال:] تەڭپۇڭسىز ھالەت.

تەڭپۇڭسىزلاشتۇرماق

  • تەڭپۇڭسىزلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «تەڭپۇڭسىزلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەڭپۇڭسىزلاشتۇرۇشماق

  • تەڭپۇڭسىزلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «تەڭپۇڭسىزلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەڭپۇڭسىزلاشتۇرۇلماق

  • تەڭپۇڭسىزلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تەڭپۇڭسىزلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەڭپۇڭسىزلاشماق

  • تەڭپۇڭسىزلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەڭپۇڭسىز ھالەتكە كەلمەك، تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلماق:[مىسال:] ئەخمەتنىڭ سەپتىن چېكىنىشى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسى تەڭپۇڭسىزلاشتى.

تەڭپۇڭسىزلىق

  • تەڭپۇڭسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەڭپۇڭ بولماسلىق.

تەڭپۇڭلاشتۇرماق

  • تەڭپۇڭلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «تەڭپۇڭلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەڭپۇڭلاشتۇرۇلماق

  • تەڭپۇڭلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تەڭپۇڭلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەڭپۇڭلاشماق

  • تەڭپۇڭلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەڭپۇڭ ھالەتكە كەلمەك.

تەڭپۇڭلۇق

  • تەڭپۇڭلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەڭپۇڭ بولۇش، تەڭ-باراۋەرلىك.

تەڭتۇش

  • تەڭتۇش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياش جەھەتتىن تەڭ، قۇرداش، بىردېمەتلىك:[مىسال:] ئۇلار سەمەتنىڭ تەڭتۇش، سىرداش دوستلىرى ئىدى. ∥قادىر كۈندۈزنى ئۆز تەڭتۇشلىرى بىلەن ئاشخانىدا ئۆتكۈزدى.

تەڭتۇشلۇق

  • تەڭتۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇرداشلىق، تەڭدېمەتلىك.

تەڭداش

  • تەڭداش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ياش قۇرامى تەڭ، تەڭ ياشلىق:[مىسال:] مەلىكە ياش جەھەتتە ئايتۇرەم بىلەن تەڭداش ئىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باراۋەر، تەڭ كېلىدىغان:[مىسال:] تەن ساقلىق — تەڭدىشى يوق بايلىق (ماقال).

تەڭداشسىز

  • تەڭداشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەڭدىشى يوق، تەڭدىشى بولمىغان:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز باتۇرلۇقى بىلەن ھەممىنى قايىل قىلدى.

تەڭداشلىق

  • تەڭداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باراۋەر، تەڭ كېلىش، تەڭداش بولۇش.

تەڭدېمەت

  • تەڭدېمەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]تەڭ+دېمەت[[يەشمىسى:] يېشى تەڭ، قۇرداش تەڭتۇش:[مىسال:] ئۇلار ھەممىسى تەڭدېمەت بالىلار ئىدى.

تەڭدېمەتلىك

  • تەڭدېمەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇرداشلىق، تەڭ ياشلىق:[مىسال:] سەمەت تەڭدېمەتلىك بالىلار ئىچىدە ئۇنى ھەممىدىن يېقىن كۆرەتتى.

تەڭرى

  • تەڭرى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇدا، ئاللاھ، پەرۋەردىگار:[مىسال:] مەن قىلارمەن ئوتتۇز، تەڭرى قىلار توققۇز (ماقال).

تەڭرىقۇت

  • تەڭرىقۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] سۆز مەنىسى «تەڭرىنىڭ ئوغلى» بولۇپ «ئۇلۇغ، بۈيۈك» دېگەن مەنىلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ھونلاردا بولسا ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران بولغان پادىشاھ، خان «تەڭرىقۇت» دېيىلەتتى.

تەڭسىز

  • تەڭسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەڭ بولمىغان، تەڭ ئەمەس، پەرقلىق:[مىسال:] تەڭسىز جاھان.

تەڭسىزلىك

  • تەڭسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تەڭ بولماسلىق:[مىسال:] خەلق تەڭسىزلىكتىن جاق تويغانىدى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئىككى سان ياكى ئىككى ئالگېبرالىق ئىپادىنىڭ ئۆز ئارا تەڭ ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئىپادە. ئادەتتە ئىككى سان ياكى ئىككى ئالگېبرالىق ئىپادىنى تەڭسىزلىك بەلگىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. مەسىلەن: 2>5، 5<2، 5≠2 قاتارلىقلار.

تەڭشەتمەك

  • تەڭشەتمەك[يەشمىسى:] «تەڭشىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سائەتنى تەڭشەتمەك.

تەڭشەشمەك

  • تەڭشەشمەك[يەشمىسى:] «تەڭشىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەڭشەك

  • تەڭشەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تىكىش ماشىنىسىدا غالتەك يىپنىڭ چىڭ-بوشلۇقىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان سايمان:[مىسال:] تەڭشەكنى چىڭىتىپ قويماق.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ تۇرىدىغان نەرسە:[مىسال:] دۇتارنىڭ تەڭشىكى بۇزۇلسا، ئاۋاز بىلەن ماسلاشمايدۇ.

تەڭشەكلىك

  • تەڭشەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەڭشەپ قويۇلغان، تەڭشەلگەن:[مىسال:] ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ نورمال توك بېرىشى ئۈچۈن كۆل تەڭشەكلىك رول ئوينايتتى.

تەڭشەلمەك

  • تەڭشەلمەك[يەشمىسى:] ① «تەڭشىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئازراق مەست بولۇپ قالماق:[مىسال:] شەۋكەت خېلىلا تەڭشىلىپ قالغانىدى.

تەڭشەلمىگەن ئالەم

  • تەڭشەلمىگەن ئالەم[يەشمىسى:] ناھەقچىلىك، ئادالەتسىزلىك، تەڭسىزلىك، ئېگىز-پەسلىك تۈگىمەيدىغان دۇنيا:[مىسال:] تەڭشەلمىگەن ئالەم ماتاكقا سالمىغان جان (ماقال).

تەڭشىگۈچ

  • تەڭشىگۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسە ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى، نورماللىقىنى ساقلاپ، تەڭشەپ تۇرىدىغان نەرسە.

تەڭشىمە

  • تەڭشىمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەڭشىلىدىغان، تەڭشەشكە بولىدىغان:[مىسال:] تەڭشىمە دۇمباق.

تەڭشىمەك

  • تەڭشىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ماسلاشتۇرماق، مۇۋاپىقلاشتۇرماق:[مىسال:] ئاپپاراتنى تەڭشىمەك. سۇنى تەڭشىمەك. ئۆينىڭ ھاۋاسىنى تەڭشىمەك.[يەشمىسى:] ② مۇۋاپىق تەقسىملىمەك، بۆلمەك:[مىسال:] ئانا بار ناننى بالىلارغا تەڭشەپ بەردى.[يەشمىسى:] ③ تەڭكەش قىلماق، سازلىماق (ساز ۋە ئاۋاز ھەققىدە):[مىسال:] يىگىت راۋابنى ئېلىپ تەڭشىدى.

تەڭقۇر

  • تەڭقۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]تەڭ+قۇر[[يەشمىسى:] ياش جەھەتتىن تەڭ ياكى پەرقى ئاز؛ تەڭتۇش، دېمەتلىك، قۇرداش:[مىسال:] شانىياز ئالماس بىلەن تەڭقۇر ئىدى.

تەڭقۇرام

  • تەڭقۇرام[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]تەڭ+قۇرام[[يەشمىسى:] «تەڭقۇر»غا قاراڭ.

تەڭقۇراملىق

  • تەڭقۇراملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەڭقۇر:[مىسال:] بۇ تېخنىكلارنىڭ ھەر ئىككىسى تەڭقۇراملىق بولۇپ، ئۈرۈمچىدە بىر ئۇنىۋېرىسىتېتتا ئوقۇغان.

تەڭقىس

  • تەڭقىس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئوڭايسىزلانغان، تەڭلىكتە قالغان:[مىسال:] تەڭقىس بولماق.

تەڭقىسلىق

  • تەڭقىسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوڭايسىزلىق، تەڭلىك.

تەڭكەش

  • تەڭكەش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تەڭلەشكەن، تەڭپۇڭلاشتۇرۇلغان، تەڭپۇڭ.[يەشمىسى:] ② ماسلاشتۇرۇلغان، لايىقلاشقان، ئوخشاش (ساز ۋە ناخشا ھەققىدە):[مىسال:] تەڭكەش قىلماق.

تەڭگە

  • تەڭگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈمۈشتىن يۇمىلاق شەكىلدە ياسالغان پۇل.

تەڭگىتەمرەتكە

  • تەڭگىتەمرەتكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تەڭگە+تەمرەتكە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئاستا خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكى. ئالامەتلىرى: دەسلەپتە دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولۇپ، كېيىن ئاسان تۆكۈلىدىغان نېپىز تەڭگىچىگە ئايلىنىدۇ. بۇ خىل تەمرەتكە كۆپىنچە جەينەك ۋە تىزغا چىقىدۇ. ئازراق قىچىشىدۇ، يۇقمايدۇ.

تەڭگىچە

  • تەڭگىچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەڭگىنىڭ كىچىكى، كىچىك تەڭگە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەكلى تەڭگىگە ئوخشايدىغان، تەڭگە شەكلىدىكى:[مىسال:] تەڭگىچە بىخ. تەڭگىچە يوپۇرماق.

تەڭگىسىمان

  • تەڭگىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەڭگىگە ئوخشاش، تەڭگىدەك.

تەڭگىلىك

  • تەڭگىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تەڭگىسى بار، تەڭگىگە ئىگە:[مىسال:] قىش چىققۇچە ئەپلەپ-سەپلەپ ئوقەت قىلىپ، بەش-تۆت تەڭگىلىك بولۇۋالساق، بۇنىڭ نېمىسى يامانىكەن[يەشمىسى:] ② تەڭگە قىممىتىدىكى، تەڭگىگە يارايدىغان:[مىسال:] ئالتە تەڭگىلىك مېلىڭنى ئەجەبمۇ كۆز-كۆز قىلىپ كەتتىڭا.

تەڭگىمۇخ

  • تەڭگىمۇخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تەڭگە+مۇخ[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇخلارنىڭ بىر خىلى. ئۆسۈملۈك تېنى يوپۇرماق شەكلىدە ياپىلاق كېلىدۇ، سالقىن تۇپراقتا يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ. دۈمبە تەرىپىدە ھاۋا تۆشۈكى، قورساق تەرىپىدە تەڭگىچىلىرى ۋە يالغان يىلتىزلىرى بولىدۇ. ئورگانىك ماددىلارغا باي كېلىدۇ.

تەڭگىيوپۇرماق

  • تەڭگىيوپۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تەڭگە+يوپۇرماق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى يۈرەك شەكلىدە بولۇپ، ئۇزۇن ساپىقى بولىدۇ؛ گۈلى سېرىق كېلىدۇ. گۈل ۋە يوپۇرماقلىرى دورا قىلىنىدۇ.

تەڭلەتمەك

  • تەڭلەتمەك[يەشمىسى:] «تەڭلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەڭلەشتۈرمەك

  • تەڭلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «تەڭلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مۇشۇنداق ياخشى بىر ئىشنى نەدىكى بىر ئىشلارغا تەڭلەشتۈرسەك بولارمۇ

تەڭلەشتۈرۈشمەك

  • تەڭلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «تەڭلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەڭلەشتۈرۈلمەك

  • تەڭلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «تەڭلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەڭلەشمەك

  • تەڭلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تەڭ، باراۋەر ھالغا كەلمەك؛ تەڭ ئورۇندا تۇرماق؛ باراۋەرلەشمەك:[مىسال:] مۇسابىقىدە ئىككى كوماندا تەڭلىشىپ قالدى.[يەشمىسى:] ② يېتىشمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ نەتىجىسى ئالىمنىڭ نەتىجىسىگە تەڭلەشتى.[يەشمىسى:] ③ تەڭ يېرىم بولماق، يېرىمىغا يەتمەك، يېرىملاشماق:[مىسال:] تۈن تەڭلەشكەندە، توساتتىن تۆتىنچى كىچىك ئەترەتنىڭ ئاتخانىسى ئۈستىدە ئوت يالقۇنى كۆتۈرۈلدى.

تەڭلەنمەك

  • تەڭلەنمەك[يەشمىسى:] «تەڭلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] باتۇرلار ئېلىشار چېرىكلەر بىلەن، تەڭلەنگەن مىلتىققا كېرىپ كۆكسىنى.

تەڭلىك

  • تەڭلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تەڭ ھالەت، باراۋەرلىك.[يەشمىسى:] ② خىجىللىق، خىجالەتچىلىك:[مىسال:] تەڭلىكتە قالماق. تەڭلىك تارتماق.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئىككى سان ياكى ئىككى ئالگېبرالىق ئىپادىنىڭ تەڭلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئىپادە. ئادەتتە ئىككى سان ياكى ئىككى ئالگېبرالىق ئىپادىنى تەڭلىك بەلگىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. مەسىلەن: 3+2=4+1 , a=4 .

تەڭلىك بەلگىسى

  • تەڭلىك بەلگىسى[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تەڭلىك مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە. «=» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

تەڭلىمات

  • تەڭلىمات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۈللۈك چوڭ كىگىز.

تەڭلىماتلىق

  • تەڭلىماتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تەڭلىمىتى بار، تەڭلىمات سېلىنغان.[يەشمىسى:] ② تەڭلىمات ئېتىشكە يېتىدىغان:[مىسال:] بىر تەڭلىماتلىق يۇڭ.

تەڭلىمە

  • تەڭلىمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تەركىبىدە نامەلۇم بولغان تەڭلىك. مەسىلەن: x+1=3، y+2=x+1 قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

تەڭلىمەك

  • تەڭلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى بىراۋغا ئۇدۇللىماق، قاراتماق:[مىسال:] قورققان ئاۋۋال مۇشت تەڭلەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② سۇنماق، ئۇزاتماق:[مىسال:] كىشى نان تەڭلىسە يېمەيمەن دېمە، قولۇڭغا ئال، يېمىسەڭ يېمە (ماقال).[يەشمىسى:] ③ تەڭلەشتۈرمەك، توغرىلىماق:[مىسال:] تۇرغۇن ئۆزى كۆتۈرۈپ كەلگەن جەگە ياغاچنى ھاڭغا تەڭلىدى.[يەشمىسى:] ④ يېرىمىغا تەڭ قىلماق:[مىسال:] بىز ئون كۈندىلا بىر ئايلىق ۋەزىپىنى تەڭلەپ تۈگەتتۇق.

تەڭلىمىلىك

  • تەڭلىمىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەڭلىمە بار، تەركىبىگە تەڭلىمە ئارىلاشقان.

تەڭمۇتەڭ

  • تەڭمۇتەڭ[يەشمىسى:] يا ئارتۇق يا كەم ئەمەس، ھەممە جەھەتتىن باراۋەر:[مىسال:] ئاكا-ئۇكا مىراسنى تەڭمۇتەڭ ئىككىگە بۆلدى.

تەڭنە

  • تەڭنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خېمىر يۇغۇرۇش ئۈچۈن، ياغاچتىن ئويۇپ ياسالغان داس.

تەڭنىلىك

  • تەڭنىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەڭنە چېپىشقا لايىق، تەڭنە چاپسا باب كېلىدىغان:[مىسال:] تەڭنىلىك ياغاچ.

تەل

  • تەل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەييارلانغان، ھازىرلانغان؛تولۇق، مۇكەممەل:[مىسال:] تەل بولماق. تەل قىلماق.

تەلە

  • تەلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دەپنە مۇراسىمى ۋە باشقا دىنىي پائالىيەتلەردە بىرقانچە كىشى يىغىلىپ ئولتۇرۇپ، نۆۋەت بىلەن ئوقۇلىدىغان دۇئا-تىلاۋەت:[مىسال:] تەلە ئوقۇماق.

تەلەپ

  • تەلەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۈمىد، ئارزۇ؛ ئىلتىماس:[مىسال:] ئۇ دەرھال قۇتقۇزۇشقا قوشۇن ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان.[يەشمىسى:] ② بېجىرىلىشى زۆرۈر بولغان قائىدە-تەرتىپ، شەرت:[مىسال:] ئۇلاغ ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۈچ تۈرلۈك تەلەپ قويدۇم. مېنىڭ بۇ تەلەپلىرىمنى كۆپچىلىك ئەزالار قارشى ئالدى.[يەشمىسى:] ③ ئېھتىياج:[مىسال:] بۇ بىلىمىڭگە بىزنىڭ يېرىمىزدە تەلەپ يوق، دېدى ئۇ.

تەلەپپۇز

  • تەلەپپۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تاۋۇش ياكى سۆزنىڭ ئېيتىلىشى، ئېيتىلىش خۇسۇسىيىتى:[مىسال:] تەلەپپۇز قىلماق. تەلەپپۇز قائىدىسى.

تەلەپچان

  • تەلەپچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان:[مىسال:] تەلەپچان ئۇستازدىن سۈپەتلىك شاگىرت چىقىدۇ.

تەلەپچانلىق

  • تەلەپچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان خۇسۇسىيەت، خاراكتېر:[مىسال:] ئۇ ئۆزىگە قالتىس تەلەپچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى.

تەلەپكار

  • تەلەپكار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] تەلەپ قىلغۇچى:[مىسال:] ئالىم ناھايىتى تەلەپكار يىگىت ئىدى. ∥ شتاب ئىچى ھەش-پەش دېگۈچە يۈزلىگەن تەلەپكارلار بىلەن تولۇپ تاشتى.

تەلەپكارلىق

  • تەلەپكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەلەپ قىلىدىغان خۇسۇسىيەت.

تەلەپنامە

  • تەلەپنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنى تەلەپ قىلىپ يېزىلغان خەت، ھۆججەت.

تەلەت

  • تەلەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] چىراي، يۈز، تۇرۇق، ئەلپاز:[مىسال:] تەلەتى يامان. تەلەتى بۇزۇق. * بۇ ئادەمنىڭ تەلەتىگە قاراشقىمۇ رايىم قالمىدى.

تەلەڭگە

  • تەلەڭگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەلەيدىن ئىشلەنگەن داس شەكىللىك قاچا.

تەلەي

  • تەلەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئامەت، بەخت:[مىسال:] تەلىيى تەتۈر. تەلىيى ئوڭ. * ئۇنىڭ تەلىيى كەلدى.[يەشمىسى:] ② تەقدىر، قىسمەت، پېشانە:[مىسال:] بىزگە يولۇقۇپ قېلىشىڭىزمۇ سىزنىڭ تەلىيىڭىز.

تەلەيدە بوڭ-بوڭ

  • تەلەيدە بوڭ-بوڭ[يەشمىسى:] «پېشانىدىكىنى كۆرەرمىز» دېگەن مەنىدە بىرەر ئىشقا تەۋەككۈل قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.

تەلىيى كاج

  • تەلىيى كاج[يەشمىسى:] ئىشلىرى ئوڭۇشسىز، داۋاملىق بەختسىزلىككە يولۇقۇپ تۇرىدىغان.

تەلىيى ئوڭ

  • تەلىيى ئوڭ[يەشمىسى:] بەختى، ئامىتى بار؛ ئامەتلىك، تەلەيلىك.

تەلەيسىز

  • تەلەيسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەلىيى يوق، تەلىيى كەلمىگەن:[مىسال:] تەلەيلىكنىڭ خوتۇنى ئۆلەر، تەلەيسىزنىڭ ئۆيى كۆيەر (ماقال).

تەلەيسىزلىك

  • تەلەيسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەلەيسىز ھالەت، تەلىيى كەلمەسلىك:[مىسال:] خۇماخان بىلەن بولۇپ ئۆتكەن ھېلىقى تەلەيسىزلىكتىن كېيىن، خېلى يىللار ئۆتۈپ كەتتى.

تەلەيلىك

  • تەلەيلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەمىشە بەخت، تەلىيى كېلىپ تۇرىدىغان؛ ئامەتلىك:[مىسال:] تەلەيلىك ئوغلۇم چوپچوڭ يىگىت بولۇپ كېتىپتۇ، خۇش بولدۇم.

تەلپەك

  • تەلپەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرىدىن تىكىلىپ، تاشلانغان باش كىيىمى:[مىسال:] ئۇ قارا كۆرپە تەلپەك كىيگەنىدى.

تەلپىكى سۇغا چىلاشماق

  • تەلپىكى سۇغا چىلاشماق[يەشمىسى:] «دوپپىسى سۇغا چىلاشماق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئەگەر ئۆستەڭگە سۇ چىقىرىش كەينىگە تارتىلىۋەرسە، يەنە يەتتە-سەككىزمىڭ مو يەردىكى كۈزگى بۇغداينى تېرىپ بولدۇڭ، تەلپىكىڭ سۇغا چىلاشتى دېگەن گەپ ئەمەسمۇ؟

تەلپىكىنى ئاسمانغا ئاتماق

  • تەلپىكىنى ئاسمانغا ئاتماق[يەشمىسى:] «دوپپىسىنى ئاسمانغا ئاتماق»قا قاراڭ:[مىسال:] كەنت باشلىقى ھەسەن:[مىسال:] «سېمونت زاۋۇتىغا ئىشچى قوبۇل قىلىدىكەن، بىزنىڭ كەنتتىن بىر ئادەم بېرىدىكەنمىز. ياش چەكلىمىسى قاتتىق ئەمەس ئىكەن، يا سەن بارامسەن ئاداش» دېمەسمۇ، تەلپىكىمنى ئاسمانغا ئېتىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ كېتىپتىمەن.

تەلپىكى يەرگە چۈشمەك

  • تەلپىكى يەرگە چۈشمەك[يەشمىسى:] ① كۈتكەن ئۈمىد يوققا چىقماق.[يەشمىسى:] ② ئەمەل-مەنسىپىدىن مەھرۇم بولماق.

تەلپەكساز

  • تەلپەكساز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەلپەك تىكىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى.

تەلپەكسازلىق

  • تەلپەكسازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەلپەك تىكىش ۋە سېتىش كەسپى.

تەلپەكلىك

  • تەلپەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بېشىدا تەلپىكى بار، تەلپەك كىيگەن:[مىسال:] ئاق تەلپەكلىك كىشى.

تەلپۈندۈرمەك

  • تەلپۈندۈرمەك[يەشمىسى:] «تەلپۈنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەلپۈنمەك

  • تەلپۈنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تەمشەلمەك، ئىنتىلمەك:[مىسال:] شۇ ھازادا شاھزادىنىڭ قولىدىكى بۈركۈتى يىراققا قاراپ تەلپۈنۈپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەلۇم تەرەپكە تارتماق، ئۈزلۈكسىز سوقماق (يۈرەك، قەلب، كۆڭۈل ھەققىدە):[مىسال:] چولپان، كۆڭلۈم ھامان سىزگە تەلپۈنىدۇ، سۆزلىسىڭىزچۇ!

تەلپۈنۈشچان

  • تەلپۈنۈشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنتىلىپ، تەلپۈنۈپ تۇرىدىغان؛ ئۈمىدۋار:[مىسال:] ئۇلار تەلپۈنۈشچان، قورقماس، كىشىگە يېقىملىق كۆرۈنىدىغان ياش بالىلار ئىدى.

تەلپۈنۈشچانلىق

  • تەلپۈنۈشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەلپۈنۈشچان ھالەت، ئۈمىدۋارلىق.

تەلپۈنۈشمەك

  • تەلپۈنۈشمەك[يەشمىسى:] «تەلپۈنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سەپەرچىلەر قالغانلارغا تەلپۈنۈشتى، ئاق يول تىلەپ شايى ياغلىق يەلپۈتۈشتى.

تەلتۆكۈس

  • تەلتۆكۈس[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھەر جەھەتتىن تولۇق، كەم-كۈتىسىز؛ پۈتۈنلەي:[مىسال:] ئامانقۇل بولغان ۋەقەنى تەلتۆكۈس سۆزلەپ بەردى.

تەلقىن

  • تەلقىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① دىنىي ۋەز، نەسىھەت، تەلىم:[مىسال:] تەلقىن قىلماق.[يەشمىسى:] ② ئاشىقلار ئاھاڭلىق ئوقۇيدىغان نەزم، ھۆكمەت:[مىسال:] تەلقىن ئوقۇماق.[يەشمىسى:] ③ چۈشەندۈرۈش، ئىزاھ:[مىسال:] بەگ ھاجىمۇ روبىرتنىڭ سۆزلىرىگە قىلدى تەھسىن، قوشۇپ بەزەن سۆزىگە يېڭى تەلقىن.

تەلمۇتەل

  • تەلمۇتەل[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تولۇق، تەييار، تەخمۇتەخ:[مىسال:] ئات ۋە كىيىم-كېچەك، نان-توقاچ تەلمۇتەل قىلىندى.

تەلمۈرتمەك

  • تەلمۈرتمەك[يەشمىسى:] «تەلمۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۈچىنچى ئايدا كېلىمەن دەپ، تۆتىنچى ئايغا قالدىلا، يوللىرىغا تەلمۈرتۈپ، ئوتقا تىرىك سالدىلا.

تەلمۈرمەك

  • تەلمۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆز ئۈزمەي قارىماق، ئۈمىد كۈتمەك:[مىسال:] ئادالەت ئاپتوبۇس كېلىدىغان تەرەپكە بىتاقەتلىك بىلەن تەلمۈردى.

تەلمۈرۈشمەك

  • تەلمۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «تەلمۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇلار بىر-بىرىگە قاتتىق تەلمۈرۈشتى.

تەلۋە

  • تەلۋە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تەم، پۇرىقى ناھايىتى ئاچچىق:[مىسال:] تەلۋە بېدە. * بۇ ماي چۈچۈمەپتۇ، بىر ئاز تەلۋە ئىكەن.[يەشمىسى:] ② ئاسانلا ئاچچىقلىنىپ، خۇيلىنىپ قالىدىغان، ساراڭ، كاج:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزى باسىتنىڭ تەلۋە چىرايىغا چۈشۈپلا، تېنى شۈركىنىپ كەتتى.∥ زىقى توشقان بىر تەلۋە قولىڭىزغا چۈشۈپتۇ-دە.[يەشمىسى:] ③ توسۇن، ھەددىدىن ئاشقان، غالجىر:[مىسال:] تەلۋە بوران. تەلۋە سۇ.

تەلۋىتال

  • تەلۋىتال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تەلۋە+تال[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. يۇمران يوپۇرمىقى ۋە غولى يەم-خەشەك قىلىنىدۇ.

تەلۋىلەرچە

  • تەلۋىلەرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تەلۋىلەرگە خاس، كۆرەڭ ۋە بىشەم ھالدا:[مىسال:] مەھمۇد تەلۋىلەرچە ئورنىدىن چاچراپ تۇردى. ∥مال-دۇنيانى قولغا كىرگۈزۈشكە بولغان تەلۋىلەرچە ھەۋىسى ئۇنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇردى.

تەلۋىلەشتۈرمەك

  • تەلۋىلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «تەلۋىلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەلۋىلەشمەك

  • تەلۋىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تەلۋىلەرچە ئىش كۆرمەك، كۆرەڭ ۋە بىشەملەشمەك:[مىسال:] تەلۋىلەشكەن ناسىر ھىمايىسىز قىزغا تاشلاندى.[يەشمىسى:] ② توسۇنلاشماق، غالجىرلاشماق:[مىسال:] مۇشۇ تاپتا بىرەر ياغاچ ياكى تۇلۇم بولسا، بۇ تەلۋىلەشكەن دەريادىن پەرۋاز قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتى.

تەلۋىلىك

  • تەلۋىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەلۋە ھالەت، خاراكتېر:[مىسال:] ئۇنىڭ تەلۋىلىكى بىر كۈنمۇ بېسىقمايدۇ.

تەلىق

  • تەلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدىكى بىر تۈر. ئۇنىڭدا ھەرپلەر دولقۇنسىمان يېزىلىپ كىشىگە بىر خىل ستېرېئولۇق تۇيغۇ بېرىلىدۇ:[مىسال:] تەلىق نۇسخا.

تەلىم

  • تەلىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① پەننىڭ مەلۇم بىر ساھەسى بويىچە ئىگىلەشكە تېگىشلىك مەلۇمات، بىلىم:[مىسال:] ئۇ يەردە ئاپىسى ئۇنىڭغا ئەخلاقىي تەلىم بەردى.[يەشمىسى:] ② ئەدەپ-ئەخلاق:[مىسال:] سىلەر تەلىم ئۆگىتەلمىگەن بۇزۇققا، ئۆزۈم ئۆگەتكىلى كەلدىم، دېدى پاسار قولىدىكى كۆسەينى يەرگە دوككىدە سانجىپ.[يەشمىسى:] ③ تەلىمات، نەزەرىيە:[مىسال:] بۇ ئابدۇقادىر داموللىنىڭ تەلىمى.[يەشمىسى:] ④ كۆرسەتمە، يوليورۇق، تەربىيە:[مىسال:] تەلىم بېرىش ئۈچۈن تەلىم ئال (ماقال).

تەلىم ئالماق

  • تەلىم ئالماق[يەشمىسى:] ئۆگەنمەك.

تەلىم بەرمەك

  • تەلىم بەرمەك[يەشمىسى:] ئۆگەتمەك.

تەلىمات

  • تەلىمات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىلىم-پەن جەھەتتىكى سىستېمىلىق تەشەببۇس ياكى كۆزقاراش، نەزەرىيە:[مىسال:] ئۇنىڭ تەلىماتى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

تەلىم-تەربىيە

  • تەلىم-تەربىيە[يەشمىسى:] تەلىم، تەربىيە ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار.

تەم

  • تەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تېتىش ئارقىلىق بىلىنىدىغان خۇسۇسىيەت؛ لەززەت، تېتىق:[مىسال:] مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىز تۇرپان ئۈزۈمىنىڭ تەمى ۋە خىسلىتىگە ئالاھىدە قىزىقتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشتىن ئۆتكەن تەسىرات، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكى:[مىسال:] ئەجىرسىز ھاياتنىڭ تەمى يوق بىلسەڭ، مېھنەتلىك ھاياتنىڭ تەمى ھەسەل-بال.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەنە، ئەھمىيەت:[مىسال:] سۆزلىرىمنىڭ تەمى يوق نادان ئالدىدا، نەيزە-قىلىچ تۇرىدۇ سادىر يادىدا.

تەمى تىلدا قالغۇدەك

  • تەمى تىلدا قالغۇدەك[يەشمىسى:] ناھايىتى تاتلىق.

تەمى ئېغىزدا قالغۇدەك

  • تەمى ئېغىزدا قالغۇدەك[يەشمىسى:] ناھايىتى تاتلىق.

تەمە

  • تەمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① باشقىلارنىڭ بىرەر نەرسە ئىنئام قىلىشىنى كۈتۈش، مەنپەئەتكە ئېرىشىشكە ئىنتىلىش:[مىسال:] ھۆپۈپ كاماردا، موللام تەمەدە (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئارزۇ، يېلىنىش، ئۈمىد:[مىسال:] بۇ گەپ ئۇلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشەر دەپ تاتلىق تەمەدە بوپتىمەن.

تەمەچى

  • تەمەچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «تەمەخور»غا قاراڭ.

تەمەخور

  • تەمەخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] تەمەگە ئادەتلەنگەن، تەمە قىلىدىغان:[مىسال:] موللا تەمەخور كېلىدۇ، ئوغرى گۇمانخور كېلىدۇ (ماقال).

تەمەخورلۇق

  • تەمەخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەمەخورلارغا خاس ئادەت، مىجەز.

تەمەسىز

  • تەمەسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەمەسى يوق، تەمە قىلمايدىغان:[مىسال:] مەن بۇنىڭدىن تەمەسىز. ∥ئۇ كىشىلەر ئىشىكىدە ھېچبىر تەمەسىز ئىشلەيتتى، بەرگىنىنى ئالاتتى.

تەمەگەر

  • تەمەگەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «تەمەخور»غا قاراڭ.

تەمەگەرلىك

  • تەمەگەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. «تەمەخورلۇق»قا قاراڭ.

تەمەننا

  • تەمەننا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆزىچە ماختىنىپ قىلغان قىلىق، ھەرىكەت؛ ماختىنىش، پەخىرلىنىش:[مىسال:] تەمەننا قىلماق. تەمەننا قويماق.

تەمەنناچى

  • تەمەنناچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داۋاملىق ئۆزىگە تەمەننا قىلغۇچى.

تەمەننالىق

  • تەمەننالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئارتۇقچە ماختىنىپ، ئەركىلىك قىلىدىغان خاراكتېر:[مىسال:] تەمەننالىقىڭ سېنى ۋەيران قىلىدۇ.

تەمبەل

  • تەمبەل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۇستىخانلىق، بەستلىك:[مىسال:] تەمبەل يىگىت.

تەمبەللىك

  • تەمبەللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەمبەل ھالەت.

تەمبۇر

  • تەمبۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ چېكىپ چالىدىغان مۇزىكا ئەسۋابى. دەستىسى ئۇزۇن، ئون ئالتە يېرىدە پەدىسى بولىدۇ؛ بەش تال سىم تار ئىشلىتىلىپ، g g d1g g ياكى d1 d1g d1 d1 دا سازلىنىدۇ؛ ئاۋاز دائىرىسى ئۈچ ئوكتىۋا، سىرتقى ئىككى تارى ئاساسلىق تار، قالغان ئۈچ تارى تەڭكەش تار ھېسابلىنىدۇ؛ يەككە ياكى باشقا سازلار بىلەن تەڭكەش قىلىپ چېلىشقا بولىدۇ.

تەمبۇرچى

  • تەمبۇرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەمبۇر چالغۇچى كىشى.

تەمتەك

  • تەمتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئارخېئولوگىيە<[يەشمىسى:] مۇھىم يارلىق، ۋەسىقىلەر پۈتۈلگەن قەدىمكى تارىشا پۈتۈكلەرنىڭ بىر خىلى. [يەشمىسى:] ② ۋاڭلىق تۈزۈمىدە ۋاڭنىڭ دورغىغا بەرگەن ھوقۇق يۈرگۈزۈش تامغىسى. [يەشمىسى:] ③ مەلۇم يارلىق مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ھەر خىل تاختا.

تەمتىرەتمەك

  • تەمتىرەتمەك[يەشمىسى:] «تەمتىرىمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مۇدىرنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان بۇ سوئالى پاسارنى تەمتىرىتىپ قويدى.

تەمتىرەشمەك

  • تەمتىرەشمەك[يەشمىسى:] «تەمتىرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ تۇيۇقسىز ئىشتىن مەھەللىدىكىلەر تەمتىرىشىپ كەتتۇق.

تەمتىرىمەك

  • تەمتىرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئېنىق بىر پىكىرگە كېلەلمەي ئالدىراپ قالماق:[مىسال:] بۇنداق ئاللا-چۇقانلار ئىچىدە تېنەپ قالمايدىغان پەرىزات ھېچقانداق تەمتىرىمىدى.[يەشمىسى:] ② نېمە قىلىشىنى بىلمەي ساراسىمىگە چۈشمەك، ھودۇقماق:[مىسال:] كۈتمىگەن زەربىدىن تەمتىرەپ كەتكەن زۇليار دەرھال ئارقىغا قاچتى.[يەشمىسى:] ③ سەرسان-سەرگەردان بولماق، تېنىمەك:[مىسال:] شۇنىڭدىن بېرى تالادا قېلىپ، ھەركىمنىڭ ئىشىكىدە تەمتىرەپ يۈرىمىز.

تەمتىلەتمەك

  • تەمتىلەتمەك[يەشمىسى:] «تەمتىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەمتىلەشمەك

  • تەمتىلەشمەك[يەشمىسى:] «تەمتىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەمتىلىمەك

  • تەمتىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇ ياق-بۇ ياققا ئۆردەكسىمان چايقىلىپ، تاشلىنىپ، ئاستا-ئاستا قەدەم ئالماق (بالىلار ھەققىدە):[مىسال:] تەمتىلىگەن تام سىيپىلار(ماقال).[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىگە تايىنىپ، ئاستا دەلدەڭشىپ ماڭماق:[مىسال:] موماي تەمتىلەپ مەن تەرەپكە كېلىۋاتاتتى.

تەمتىم

  • تەمتىم[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئاستا قەدەم بىلەن، يىقىلىپ-قوپۇپ:[مىسال:] سۈبھى بىر يېشىدا تەمتىم ماڭاتتى.

تەمرەتكە

  • تەمرەتكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] زەمبۇرۇغ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بەزى تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى.

تەمسىز

  • تەمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەمى، لەززىتى يوق؛ بەتتەم.

تەمسىزلىك

  • تەمسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەمى، لەززىتى يوقلۇق؛ بەتتەملىك.

تەمسىل

  • تەمسىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرنەرسىنى يەنە بىرنەرسىگە ئوخشىتىش:[مىسال:] تەمسىل قىلماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ھادىسىلەرنى، كىشىلەرنىڭ ياخشى-يامان خۇسۇسىيەتلىرىنى ھايۋان ۋە نەرسىلەرنىڭ قىلىقلىرى، تەبىئىتى ۋە ھالىتىگە سېلىشتۇرغان ھېكمەتلىك سۆزلەر.

تەمسىلچى

  • تەمسىلچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۆزىدە دائىم تەمسىل كەلتۈرىدىغان، تەمسىلنى كۆپ بىلىدىغان كىشى.

تەمشەلدۈرمەك

  • تەمشەلدۈرمەك[يەشمىسى:] «تەمشەلمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەمشەلمە

  • تەمشەلمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق ئىپادىلىنىدىغان:[مىسال:] تەمشەلمە تۈس.

تەمشەلمەك

  • تەمشەلمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى قىلىشقا ئىنتىلمەك، كىرىشمەك، ئۇرۇنماق:[مىسال:] خېلىدىن كېيىن، شەۋكەت ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشقا تەمشەلدى.

تەمشىلىشمەك

  • تەمشىلىشمەك[يەشمىسى:] «تەمشەلمەك» پېئىلىنڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەمشىمەك

  • تەمشىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنى چايناۋاتقاندەك لەۋلىرىنى قىمىرلاتماق، ئۆمەللىمەك:[مىسال:] كېسەل سەل-پەل ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن لەۋلىرىنى تەمشىپ، كۆزلىرىنى ئاستا مىدىرلاتتى.

تەمكىن

  • تەمكىن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، ئېغىر-بېسىق، پۇختا:[مىسال:] ئانام رەھمەتلىك ئېغىر-بېسىق تەمكىن ئايال ئىدى.

تەمكىنلەشتۈرمەك

  • تەمكىنلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «تەمكىنلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەمكىنلەشمەك

  • تەمكىنلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئېغىر-بېسىق، تەمكىن ھالەتكە كەلمەك؛ ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان بولماق:[مىسال:] قىسمەت چورۇق شۇ گەپنى ئېيتىپ، بىردىن مۇلايىم، تەمكىنلىشىپ، شۈك بولۇپ قالدى.

تەمكىنلىك

  • تەمكىنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئېغىر-بېسىقلىق.

تەملىك

  • تەملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تەمى بار، تەمگە ئىگە:[مىسال:] بالا چۈچۈك تەملىك بىر دانە ئالمىنى يەۋاتىدۇ.[يەشمىسى:] ② تەمى ياخشى، تاتلىق:[مىسال:] تەملىك، پوستى نېپىز، سوغۇققا چىداملىق بۇ خىل ئالما ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

تەمىر

  • تەمىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قۇرۇش، بىنا قىلىش:[مىسال:] تەمىر قىلماق.

تەمىن

  • تەمىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «ئەتمەك، قىلماق» پېئىللىرى بىلەن كېلىپ، تۆۋەندىكىدەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: 1) لازىملىق نەرسىلەرنى يەتكۈزۈپ بەرمەك، تەمىنلىمەك:[مىسال:] ئۇلار بىزنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىن ئەتتى.[يەشمىسى:] 2) بىرەر ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىش شارائىتىنى ھازىرلىماق، كاپالەتلەندۈرمەك:[مىسال:] مەن ئۇلارنىڭ ئىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تەمىن ئېتىش مەقسىتىدە ئۈچ كېچە ئۇخلىمىدىم.[يەشمىسى:] 3) قانائەتلەندۈرمەك:[مىسال:] بۇ تىجارەت ئانا-بالا ئىككىيلەننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى تەمىن ئېتەلمەيتتى.

تەمىنات

  • تەمىنات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئېھتىياجلىق ئاشلىق، ماي قاتارلىق ئوزۇقلۇق:[مىسال:] تەمىنات ئامبىرى. تەمىنات ئالماق. * ھازىر بىزنىڭ بەش كۈنلۈكلا تەمىناتىمىز قالدى.[يەشمىسى:] ② ياشاش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان پۇل، ئوزۇقلۇق، كىيىم-كېچەك قاتارلىق نەرسىلەر:[مىسال:] ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولماسلىق كېرەك.[يەشمىسى:] ③ كۈندىلىك لازىمەتلىكلەرنى تەييارلاپ يەتكۈزۈپ بېرىش:[مىسال:] تەمىنات بۆلۈمى. تەمىنات ئىشلىرى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەنىۋى، روھىي ئوزۇق:[مىسال:] ئاتىسىنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ياخشى تەمىناتلارنى بېرەتتى.

تەمىناتچى

  • تەمىناتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈندىلىك ئوزۇقلۇق قاتارلىق لازىمەتلىك نەرسىلەرنى تەييارلاپ ساقلىغۇچى، يەتكۈزۈپ بەرگۈچى كىشى:[مىسال:] خەمىتنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، تەمىناتچىنىڭ ئىشىنىمۇ قوشۇمچە ئىشلەشكە توغرا كەلدى.

تەمىناتچىلىق

  • تەمىناتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەمىنلەش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىش:[مىسال:] بۇ قېتىم زاۋۇت باشلىقى ئارقا سەپ تەمىناتچىلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.

تەمىنات-سودا

  • تەمىنات-سودا[يەشمىسى:] تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش، خام مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش ئىشى:[مىسال:] تەمىنات-سودا كوپىراتىپى.

تەمىناتسىز

  • تەمىناتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېنىدا تەمىناتى يوق، تەمىناتى تۈگىگەن:[مىسال:] قاتناش يوقلۇقتىن، بىر ئاينى تەمىناتسىز ئۆتكۈزدۇق.

تەمىناتلىق

  • تەمىناتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەمىناتى بار، تەمىناتقا ئىگە:[مىسال:] دېھقانلار مانا ئەمدى تەمىناتلىقمۇ بولدى.

تەمىنلەشمەك

  • تەمىنلەشمەك[يەشمىسى:] «تەمىنلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەمىنلەنمەك

  • تەمىنلەنمەك[يەشمىسى:] «تەمىنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھەربىر كىشى ئۆتكەن يىلى ئون بىر كىلوگرام گۆش بىلەن تەمىنلەندى.

تەمىنلىمەك

  • تەمىنلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① لازىملىق نەرسىلەرنى تەييار، تەخ قىلىپ يەتكۈزۈپ بەرمەك:[مىسال:] ئۆزۈمنى ئالسام، ئىككى يۈزگە يېقىن ئائىلىنى سۈت بىلەن تەمىنلەيمەن.[يەشمىسى:] ② مەلۇم مەنبە ياكى نەرسە بىلەن تەمىن ئېتىپ، ئۇنىڭدىن خەۋەردار قىلماق، ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرمەك، ئۇنىڭغا ئىگە قىلماق:[مىسال:] بۇ ئەھۋاللار ئوسماننى بۇ مەسىلە توغرىسىدا يەنە بىر يېڭى پاكىت بىلەن تەمىنلىدى.

تەنⅠ

  • تەنⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بەدەن، گەۋدە:[مىسال:] تەن بىر، جان بىر (ماقال). * تىتىلغان تەن، تۈگۈلگەن مۇشت، كىرىشكەن چىش، پۈتمەس غەزەپ ئىزى بولۇپ چىقتى بۇ جان[يەشمىسى:] ② كىشىنىڭ پۈتۈن بارلىقى، ۋۇجۇدى:[مىسال:] تەننىڭ ساقلىقى — جاننىڭ راھىتى (ماقال).[يەشمىسى:] ③ گەۋدىنىڭ باشتىن باشقا قىسمى:[مىسال:] بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلماق.[يەشمىسى:] ④ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىز ۋە غول قىسمى:[مىسال:] ئادراسمان ئۆسۈملۈكىنىڭ تېنى ئىسرىققا ۋە دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تېنى جۇغۇلدىماق

  • تېنى جۇغۇلدىماق[يەشمىسى:] ① بەدىنىگە تىترەك ئولاشماق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاچچىقلىنىش، قورقۇش قاتارلىق غەيرىي نورمال ھالەتتىن سىلكىنمەك، چۆچۈمەك.

تېنى يايرىماق

  • تېنى يايرىماق[يەشمىسى:] ئىنتايىن ھۇزۇرلانماق، شادلانماق.

تەنⅡ

  • تەنⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىر ئىشنىڭ ئۆز زىممىسىدە ئىكەنلىكىدىن قىلىنغان ئىقرار:[مىسال:] تەن ئالماق. تەن بەرمەك. * مەن تۈنۈگۈن كېچىكىپ قالغانلىقىمغا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تەن.[يەشمىسى:] ② «تېگىشلىك، مەنسۇپ» دېگەن مەنىدە كېسىم رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] ھارماي ئىشلەيمىز ئەمدى، ھوسۇل بىزگە تەن. كىم ئەمگەك سۆيسە، تىرىشسا، شۇنىڭ تۇرمۇشى قەن.

تەنەⅠ

  • تەنەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① باشقىلارنى كەمسىتىپ ئېيتىلغان دارىتما، ئەگىتمە سۆز:[مىسال:] ئەكبەر ئۇنىڭ سۆزلىرىدىكى ئۆتكۈر تەنە، ئاچچىق مەسخىرىنى سەزمىگەندەك، تۈزلا گەپ قىلدى.[يەشمىسى:] ② نارازى بولۇپ، مىننەت بىلەن دوق قىلىنغان ھەرىكەت:[مىسال:] ئايالى ئۇنىڭغا تەنە ۋە يۇشۇرۇن ئازاب ئىچىدە قاراپ كۈلۈمسىرىدى.[يەشمىسى:] ③ ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى، يەنى بىرەر سۆزنى ئەكس مەنىدە قوللىنىش ئارقىلىق مەسخىرە قىلىش ئاساسىدا، ئەسلىدە ئىپادىلىمەكچى بولغان ئۇقۇمنى تېخىمۇ ئوبرازلىق، تەسىرلىك قىلىپ ئىپادىلەش ئۇسۇلى.

تەنەⅡ

  • تەنەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكنىڭ غول ۋە يىلتىز قىسمى:[مىسال:] يەككە تەنە. تەنە قويۇپ يوغىنىماق.

تەنەپپۇس

  • تەنەپپۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دەرس، ئەمگەك ۋە باشقا پائالىيەتلەر ئارىلىقىدىكى ئارام، قىسقا دەم ئېلىش:[مىسال:] قوڭغۇراق چېلىندى، ئوقۇغۇچىلار تەنەپپۇسكە چىقىپ كەتتى.

تەنبىھ

  • تەنبىھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ناچار، يامان سۆز-ھەرىكەتلەر ئۈچۈن بېرىلگەن تەنقىد، دەككە، كايىش، ئاگاھلاندۇرۇش ياكى يېنىك جازا:[مىسال:] تەنبىھ بەرمەك. تەنبىھ قىلماق.

تەنتەربىيە

  • تەنتەربىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تەن+تەربىيە[[يەشمىسى:] ① جىسمانىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساغلاملىقنى ئاشۇرۇشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلغان ۋە ھەر تۈرلۈك ھەرىكەتلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان تەلىم-تەربىيە.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل تەلىم-تەربىيىگە ئائىت ھەرىكەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامى.

تەنتەربىيىچى

  • تەنتەربىيىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەنھەرىكەتچى.

تەنتەك

  • تەنتەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۆزىنى توختاتمىغان، شوخ:[مىسال:] ئۇ ھازىر ياشلىق يىللىرىدىكىدەك قارام ۋە تەنتەك ئەمەس ئىدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش ياكى مەسىلىنىڭ ئالدى-كەينىنى، ئاقىۋىتىنى ئوبدان ئويلىمايدىغان؛ ئالدىراڭغۇ:[مىسال:] تەنتەك ئادەم. تەنتەك بالا.[يەشمىسى:] ③ توسۇن، ئويناق:[مىسال:] مەشۇرئاخۇن بولسا تەنتەك تورپاقتىن ئېھتىيات قىلىپ، بۇقۇسىغا يانپىشىچە يۆلىنىپ تۇراتتى.

تەنتەكلەشتۈرمەك

  • تەنتەكلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «تەنتەكلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەنتەكلەشمەك

  • تەنتەكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەنتەكلىك قىلىشقا باشلىماق، تەنتەك بولۇپ قالماق:[مىسال:] رابىخان، قېرىغانچە تەنتەكلىشىپ كېتىۋاتامدىلا-نېمە

تەنتەكلىك

  • تەنتەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەنتەك ھالەت ياكى خاراكتېر:[مىسال:] مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ دەسلەپكى تەنتەكلىكىمنى ئويلىسام، ھېلىمۇ قىلىدىغان سۆزۈمنى تاپالمايمەن.

تەنتەنە

  • تەنتەنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر مۇھىم ۋەقە، ھادىسە قاتارلىقلارنى تەبرىكلەپ، ئالقىشلاپ، ئويۇن-تاماشا بىلەن شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم، پائالىيەت:[مىسال:] گېزىتخانا ئەتراپى بايرام تەنتەنىسىگە چۆمگەنىدى.[يەشمىسى:] ② ئۇچرىشىش، يىغىلىش ۋە مەرىكىلەردە خۇشاللىقنى ئىپادىلەپ ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت ۋە كۈي:[مىسال:] سىلەر ئۇزۇن يول بېسىپ قىزىمنىڭ مەرىكىسىگە كېلىپ، تەنتەنىنى ئاشۇردۇڭلار[يەشمىسى:] ③ غەلىبە، شادلىق تۇيغۇسى، كەيپىياتى؛ داغدۇغا:[مىسال:] تەنتەنە قىلماق.* ياق، دېدى لىتىپ گويا بىر ئەقىل تاپقاندەك تەنتەنە بىلەن.

تەنتەنىلىك

  • تەنتەنىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تەنتەنە بىلەن ئۆتكەن ياكى ئۆتكۈزۈلىدىغان، ھەيۋەتلىك، داغدۇغىلىق، شاد-خۇراملىق:[مىسال:] تەنتەنىلىك بايرام.[يەشمىسى:] ② تەنتەنە روھىغا تولغان، كۆتۈرەڭگۈ:[مىسال:] تەنتەنىلىك بايانات. تەنتەنىلىك قەسەم.

تەنتىمەك

  • تەنتىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر جايدا مۇقىم تۇرماي كېزىپ، كۆچۈپ يۈرمەك.

تەنچە

  • تەنچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مىكرو ئورگانىزم، ھۈجەيرە.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بىخ، نوتا:[مىسال:] ئۆسۈملۈك تەنچىسى.

تەندۇرۇس

  • تەندۇرۇس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تېنى ساق، ساغلام:[مىسال:] تەندۇرۇس كىشى.

تەندۇرۇسلۇق

  • تەندۇرۇسلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ساغلاملىق، ساقلىق:[مىسال:] تەندۇرۇسلۇق ھەممىدىن ئەلا.

تەنزە

  • تەنزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① مىلىچماللارنى تىزىپ، بوينىغا ئېسىۋېلىپ، ئايلىنىپ يۈرۈپ ساتىدىغان ساندۇقچە ياكى مىلىچمال تىزىلغان قول غالتەك:[مىسال:] ئۇنىڭ كىچىكىدىنلا بوينىغا تەنزە ئېسىپ، كوچىمۇكوچا ئايلىنىپ يۈرۈپ قەنت-ناۋات ساتىدىغانلىقىنى ھەممە بىلەتتى.[يەشمىسى:] ② يول ياقىلىرىدا سېتىش ئۈچۈن تىزىلغان مال يايمىلىرى؛ بوتكا، كەپە:[مىسال:] ھېلىقى كۈنلەردە، رىشىت ھاجىمنىڭ تەنزىسى قۇرۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەشكىلىي قۇرۇلما:[مىسال:] بىز بىر ئائىلە ئاخىرى شېھىت قۇمغا قايتىپ كېلىپ، ۋەيران بولغان بۇ تەنزىنى تاپشۇرۇۋالدۇق.

تەنزىچى

  • تەنزىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەنزە ئېلىپ يۈرۈپ ياكى تەنزە يېيىپ مال ساتقۇچى:[مىسال:] ھېلىقى تەنزىچى ئېشىكىنى يورغىلىتىپ، ھەر شەنبە كەنتىمىزگە كېلەتتى.

تەنزىچىلىك

  • تەنزىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەنزە ئېچىپ تۈرلۈك مىلىچماللارنى سېتىش ئىشى، يايمىچىلىق:[مىسال:] ئۇ مەندىن:-تەنزىچىلىك قىلماقچىمۇ سەن-دەپ سورىدى.

تەنزىكەش

  • تەنزىكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «تەنزىچى»گە قاراڭ.

تەنزىكەشلىك

  • تەنزىكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «تەنزىچىلىك»كە قاراڭ.

تەنقىد

  • تەنقىد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەر كۆرسىتىپ بېرىلگەن پىكىر:[مىسال:] تەنقىد بەرمەك. تەنقىد قىلماق. * سۇلايماندەكلەرگە تەنقىد كار قىلامدۇ

تەنقىد-تەربىيە

  • تەنقىد-تەربىيە[يەشمىسى:] كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلىرىمۇ، ئۇتۇقىمۇ كۆرسىتىلىپ، ئىلھاملاندۇرۇش يولى بىلەن ئېيتىلغان پىكىر، نەسىھەت.

تەنقىدچى

  • تەنقىدچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تەنقىد قىلىشقا خۇشتار كىشى:[مىسال:] ھېلىقى ئىككى تەنقىدچى يەنە ھاشىم ئاكا ئۈستىدە ۋاتىلداشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② ئەدەبىي، ئىلمىي، ئەسەرلەرنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ باھالىغۇچى.

تەنقىدچىلىك

  • تەنقىدچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئەسەرلەرنى تەھلىل قىلىپ، ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ باھالاش ئىشى:[مىسال:] ئەدەبىي تەنقىدچىلىك.[يەشمىسى:] ② نەرسىلەرگە، ھادىسىلەرگە تەنقىدىي قاراش.

تەنقىدلەتمەك

  • تەنقىدلەتمەك[يەشمىسى:] «تەنقىدلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەنقىدلەشمەك

  • تەنقىدلەشمەك[يەشمىسى:] «تەنقىدلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەنقىدلەنمەك

  • تەنقىدلەنمەك[يەشمىسى:] «تەنقىدلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەنقىدلىمەك

  • تەنقىدلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆرسىتىپ پىكىر بەرمەك، ئاگاھلاندۇرماق:[مىسال:] سىز دائىملا مېنى تەنقىدلەيسىز.

تەنقىدىي

  • تەنقىدىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەنقىدكە ئائىت، تەنقىد قىلىش مەزمۇنىدىكى:[مىسال:] تەنقىدىي ماقالە. تەنقىدىي مۇئامىلە.

تەنلىك

  • تەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېنى بار، تەنگە ئىگە:[مىسال:] زەينەپ قىسقا بوي، گۆشلۈك ۋە ئاق تەنلىك ئىدى.

تەنناز

  • تەنناز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] تەقى-تۇرقى كېلىشكەن، ئۆزىگە زىننەت بەرگەن:[مىسال:] چېھرىسىدىن بېغىشلاپ ھايات، دەپتۇ بېقىپ تەننا پەرىزات.

تەننازلىق

  • تەننازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇمباتلىق، گۈزەللىك.

تەننەرخ

  • تەننەرخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] مەلۇم بىر خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن كېتىدىغان بارلىق خىراجەت.

تەنھا

  • تەنھا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يەككە، يالغۇز:[مىسال:] مەن تەنھا كىشى، ماڭا ئېغىر چۈشمەيدۇ. ∥ئۇ ئۆزى يالغۇز بىر ياتاقتا تەنھا ياشايتتى.

تەنھالىق

  • تەنھالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يالغۇزلۇق:[مىسال:] مەن ئۆمرۈمنى تەنھالىق بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بىر بەندىمەن.

تەنھەرىكەت

  • تەنھەرىكەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تەن+ھەرىكەت[[يەشمىسى:] تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى ئاساسىي مەزمۇن ۋە ئۇسۇل. ئۇ بەدەننىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە بەدەننىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى تولۇق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك چېنىقىش ئۇسۇلى ۋە ھەرىكەت تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تەنھەرىكەتچى

  • تەنھەرىكەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ھەمىشە تەنتەربىيە چېنىقىشى، تەنھەرىكەت مەشىقى ۋە تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، مۇئەييەن تەنھەرىكەت تېخنىكا سەۋىيىسىگە ئىگە خادىم.

تەنھەرىكەتچىلىك

  • تەنھەرىكەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەنتەربىيە ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولۇش پائالىيىتى.

تەنىلىك

  • تەنىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەنە بىلەن ئېيتىلغان:[مىسال:] قىسقىغىنە جىمجىتلىقتىن كېيىن سەنۇبەر پەس، ئەمما تەنىلىك ئاۋازدا جاۋاب بەردى.

تەھتىسارا

  • تەھتىسارا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تۇپراق ئاستى، يەر تەكتى.

تەھدىت

  • تەھدىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① قورقۇتۇش، پوپوزا:[مىسال:] توختى مۇدىرنىڭ سۆزىدىن ئۇ ئۆزىگە تەھدىت سەزگەنىدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئاپەت، پالاكەتنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى، خەۋىرى:[مىسال:] جۈمە ئۇنى بىر خىل تەھدىت دەپ بىلەتتى.

تەھرىر

  • تەھرىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يېزىلغان ئەسەرنى تۈزىتىش، ياخشىلاش ئىشى:[مىسال:] تەھرىر ھەيئىتى. * ئەسەر تەھرىردىن چىقتى.

تەھرىر-تەرجىمە

  • تەھرىر-تەرجىمە[يەشمىسى:] تەھرىر ۋە تەرجىمە خىزمىتى.

تەھرىرلەتمەك

  • تەھرىرلەتمەك[يەشمىسى:] «تەھرىرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەھرىرلەشمەك

  • تەھرىرلەشمەك[يەشمىسى:] «تەھرىرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەھرىرلەنمەك

  • تەھرىرلەنمەك[يەشمىسى:] «تەھرىرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەھرىرلىك

  • تەھرىرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەھرىرلەش خىزمىتى:[مىسال:] تەھرىرلىك قىلماق.

تەھرىرلىمەك

  • تەھرىرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۆز تېكىستى، يازما ماتېرىيال، ئەسەرلەرنى تۈزىتىپ توغرىلىماق، تۈزەتمەك:[مىسال:] بۇ ماقالىنى گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆزى تەھرىرلىدى.

تەھسىل

  • تەھسىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆگىنىش، ئوقۇش:[مىسال:] تەھسىل ئالماق. تەھسىل قىلماق.

تەھسىن

  • تەھسىن[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياخشى تەرىپلەش، ماختاش:[مىسال:] تەھسىن قىلماق. تەھسىن ئوقۇماق. * ئاپىرىن قەھرىمان شېرىنگە، لايىقتۇر ئاپىرىن تەھسىنگە، دېدى پەرھات.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] بەللى، ئاپىرىن:[مىسال:] تەھسىن ساڭا دېدى شىرۋىيە.

تەھقىر

  • تەھقىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] خورلاش، كەمسىتىش:[مىسال:] تەھقىر قىلماق.

تەھقىرلەشمەك

  • تەھقىرلەشمەك[يەشمىسى:] «تەھقىرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەھقىرلەنمەك

  • تەھقىرلەنمەك[يەشمىسى:] «تەھقىرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەھقىرلىمەك

  • تەھقىرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خورلىماق، كەمسىتمەك، ئازابلىماق.

تەھقىق

  • تەھقىق[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەكشۈرۈش-ئېنىقلاش:[مىسال:] ئەرزلەرنى تەھقىق قىلىش.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] «ئەلۋەتتە، ھەقىقەتەن، مۇقەررەر، جەزمەن» دېگەن مەنىدە قىستۇرما رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] ئەنە شۇ دەرەخنى ئۆز مەيلىگە تاشلىۋەتسە، تەھقىق قۇرۇپ تۈگەيدۇ.

تەھقىقلەتمەك

  • تەھقىقلەتمەك[يەشمىسى:] «تەھقىقلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئى بېگىم، بىزە پۇرسەت بەرسىلە، بۇ ئىشنى ئەتە تەھقىقلىتەيلى.

تەھقىقلەشمەك

  • تەھقىقلەشمەك[يەشمىسى:] «تەھقىقلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بەرگەن مەسلىھەتلىرىنىڭ ياخشى ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىنى تەھقىقلەشتى.

تەھقىقلەنمەك

  • تەھقىقلەنمەك[يەشمىسى:] «تەھقىقلىمەك» پېئىلنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەھقىقلىمەك

  • تەھقىقلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەكشۈرۈپ، راست-يالغانلىقىنى ئايرىماق، ئېنىقلىماق؛ ئەمەلىيلەشتۈرمەك:[مىسال:] ئۇ ئادەم چىقىرىپ كۆمۈرلۈكتىكى ئەھۋاللارنى تەھقىقلەپ كەلسۈن

تەھلىكە

  • تەھلىكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھالاكەت، خەۋپ-خەتەر، بەختسىزلىك بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقى ئېنىق بولغان ۋەھىمە؛ تەشۋىش:[مىسال:] ئۇلار ئۆلۈم تەھلىكىسىنى سەزگەن ھالدا ئۇ ياق-بۇ ياققا قېچىشقا باشلىدى.

تەھلىكىلىك

  • تەھلىكىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھالاكەت، خەۋپ-خەتەر، بەختسىزلىك خەۋپى بولغان؛ ۋەھىمىلىك، تەشۋىشلىك:[مىسال:] بۈگۈن ⅩⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئەخلاقسىز جىنسىي ئالاقە ئىشلىرى راك كېسەللىكىگە قارىغاندىمۇ زور تەھلىكىلىك بولغان ئەيدىز كېسەللىكىنى تارقاتقۇچى تۈپ ئامىل بولۇپ قالدى.

تەھلىل

  • تەھلىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش ياكى مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھەر تەرەپلىمە ئويلىنىلغان پىكىر، ئانالىز:[مىسال:] بىرەر يېڭى خەۋەر ئاڭلاپ قالسا، دەرھال ئىككىسى بېشىنى بىر يەرگە قىلىپ، بۇ ھەقتە تەھلىل يۈرگۈزەتتى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] بىرەر شەيئى، ھادىسە ياكى ئۇقۇمنى بىرقەدەر ئاددىي تەركىبىي قىسىملارغا ئايرىپ، شۇ قىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلەرنى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشلارنى تېپىپ چىقىش.

تەھلىلچى

  • تەھلىلچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەھلىل قىلغۇچى كىشى:[مىسال:] بىر تەھلىلچى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ پىكىرلىرىنى بىر-بىرلەپ تەھلىل قىلىپ، پۈتۈنلەي رەت قىلدى.

تەھلىلگرامما

  • تەھلىلگرامما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+رۇسچە[[يەشمىسى:] تەھلىل قىلىشقا ھازىرلانغان ياكى تەھلىل نەتىجىسى بويىچە سىزىپ چىقىلغان چېرتيوژ، خەرىتە، ئەگرى سىزىق قاتارلىقلار.

تەھلىلىي

  • تەھلىلىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەھلىل قىلىش ئاساسىدىكى، تەھلىل قىلىنغان:[مىسال:] مانا ئۇلار مۇقام تېكىستلىرىگە تەھلىلىي، تەنقىدىي مۇئامىلە قىلىشنى زۆرۈر قىلىدىغان سەۋەبلەر.

تەۋازۇ

  • تەۋازۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۆزىنى پەس تۇتۇش، كەمتەرلىك:[مىسال:] كەلگەن كىشى قۇربېشىنىڭ ئۇدۇلىدا تەۋازۇ بىلەن ئولتۇردى.[يەشمىسى:] ② ھۆرمەت-ئېھتىرام:[مىسال:] ئۇ ئاجايىپ خۇش تەۋازۇلار بىلەن سامۇقئاخۇننى كۈتمەكتە ئىدى.

تەۋازۇلانماق

  • تەۋازۇلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزىنى پەست تۇتماق، ھۆرمەت-ئېھتىرام كۆرسەتمەك:[مىسال:] خۇداغا شۈكۈر، دۆلەتلىرى سايىسىدە، دەپ قۇربېشى تەۋازۇلاندى ۋە قول قوشتۇرۇپ، قۇشبېگىنىڭ يېنىغىراق بېرىپ يۈكۈندى.

تەۋازۇلۇق

  • تەۋازۇلۇق[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىلەرگە تەۋازۇ بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، كەمتەر:[مىسال:] ئۇ يەنىلا بۇرۇنقى سىياقىدا، پاكىز كىيىنگەن، خاتىرجەم، ئەدەپلىك، تەۋازۇلۇق ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاشۇنداق خاراكتېر، مۇئامىلە:[مىسال:] ئۇ ئىككى قولىنى كۆكسىگە قويغىنىچە بوۋايغا تەۋازۇلۇق بىلەن سالام بەردى.

تەۋەⅠ

  • تەۋەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەلۇم بىرىگە قاراشلىق، مەنسۇپ:[مىسال:] توغرا، ئۇ قوراللار ھاجىغا تەۋە، ئەمما ھازىر ماڭا لازىم، دېدى ماجۇڭيىڭ پەرۋاسىزلىق بىلەن.

تەۋەⅡ

  • تەۋەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چۆگۈن قورسىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تېگىگىچە قىسمى.

تەۋەر

  • تەۋەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يەرلىك توقۇمىچىلىقتا، يىپ يۆگەلگەن بىرقانچە قومۇشتىكى يىپنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان جاھاز.

تەۋەررۈك

  • تەۋەررۈك[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇلۇغ، ھۆرمەتكە لايىق، ئەزىز:[مىسال:] بۇ زېمىن بىز ئۈچۈن تەۋەررۈك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇلۇغ، ھۆرمەتكە لايىق دەپ ئەتىۋارلانغان نەرسە، يادنامە:[مىسال:] خوجىنىياز مەككە تەۋەررۈكى بولغان بىر تال ئالتۇن ئۈزۈكنى چىمچىلاق قولىدىن چىقىرىپ، ئېردىنباتقا قارىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېقىن، مۆتىۋەر كىشىلەردىن خاتىرە، يادىكارلىق بولۇپ قالغان؛ ئۇلۇغلىنىپ ساقلانغان:[مىسال:] بالام، بۇ پىچاقنى چىڭ ساقلا، بۇ تەۋەررۈك پىچاق.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېقىن، مۆتىۋەر كىشىلەردىن خاتىرە، يادىكارلىق بولۇپ ساقلانغان نەرسە؛ ئەستىلىك:[مىسال:] بۇ بىلەزۈك ئاناڭنىڭ تەۋەررۈكى ئىدى.

تەۋەككۈل

  • تەۋەككۈل[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆپ ئويلىمايلا، نېمە بولسا بولار دەپ قىلىنغان ھەرىكەت:[مىسال:] ئەمدى تەۋەككۈل، تەۋەككۈل تېڭىرقاشتىن مىڭ-مىڭ ئەۋزەل. ∥ياق، ئاسىم بۇ تەۋەككۈل ئىشقا يول قويمايدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] «نېمە بولسا بولسۇن، مەيلى» دېگەن مەنىدە قىستۇرما رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] بوپتۇ، تەۋەككۇل، باشقا كەلگەننى كۆرمەمدۇق.[يەشمىسى:] ③ خوتەن ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ ئىسمى.[يەشمىسى:] ④ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

تەۋەككۈلچى

  • تەۋەككۈلچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەۋەككۈلىگە ئىش قىلغۇچى:[مىسال:] ئۇلار بىر ئۇچۇم قارا نىيەتلەر، تەۋەككۈلچىلەر.

تەۋەككۈلچىلىك

  • تەۋەككۈلچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تەۋەككۈلىگە ئىش قىلىش:[مىسال:] تەۋەككۈلچىلىك بىلەن تەلەي سىناپ كۆرىدىغانلار يەنە چىقىپ تۇرىدىكەن.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] «سولچىل» ئاغمىچىلىقنىڭ بىرخىل ئىپادىسى. ئاساسلىق بەلگىسى ئوبيېكتىپ ئەھۋال ۋە ئۆزىنىڭ شەرت-شارائىتىغا قارىماي، قارىسىغا ئىش قىلىپ، پۈتكۈزۈشكە ئالدىراشتىن ئىبارەت.

تەۋەككۈلىگە

  • تەۋەككۈلىگە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولۇشىغا، خەۋپ-خەتەرگە قارىماي؛ قارىسىغا:[مىسال:] ئىشتىياق يۇقىرى چەككە يەتكەندە، كىشى ئەقلىدىن ھالقىپ، تەۋەككۈلىگە ئېتىلىدۇ.

تەۋەڭ

  • تەۋەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] نان، مېۋە قاتارلىقلارنى تىزىپ، باشتا كۆتۈرىدىغان چوڭ يۇمىلاق ياغاچ تاۋاق ياكى شۇ شەكىلدە توقۇلغان سېۋەت:[مىسال:] پارقىراپ تۇرغان ياغلىق سامسا، گۆشگىردىلەر تەۋەڭلەردە دۆۋىلىنىپ تۇراتتى.

تەۋەڭ-تەۋەڭ

  • تەۋەڭ-تەۋەڭ[يەشمىسى:] بىرنەچچە تەۋەڭ، نۇرغۇن تەۋەڭ.

تەۋەڭلىمەك

  • تەۋەڭلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەۋەڭگە قاچىلىماق:[مىسال:] ھەر خامان توقلۇق، شادلىق بۇلىقىدۇر، كۈلكىلەر، شاد-ناخشىلار ياڭرار لاي-لاي. تەۋەڭلەپ گۆشگىردىنى، شىرمەنناننى، خامانغا ئەكىلىدۇ كەچتە ناۋاي.

تەۋەللۇت

  • تەۋەللۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تۇغۇلۇش؛تۇغۇت:[مىسال:] ئۇ تەۋەللۇتتىكى خوتۇنغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئالدىرىدى.

تەۋەلىك

  • تەۋەلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم شەخس ياكى ئورۇنغا تەۋە بولغان دائىرە:[مىسال:] تاشئاخۇنۇم ئۆز تەۋەلىكىگە ئۆتىدىغان سۇنىڭ كەملەپ كەتكەنلىكىدىن غەزەپلەندى.

تەۋپىق

  • تەۋپىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى، بەختى ئۈچۈن قىلىنغان مەدەت، ياردەم:[مىسال:] ھەدەمنىڭ بۇ يالقۇنلۇق سۆزلىرى بىرئاز تەسىر قىلىپ، مەلىكە تەۋپىق، ھىدايەت تاپتى.

تەۋرات

  • تەۋرات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] يەھۇدىي دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى.Ⅸ机?تۈرى: ىىقلارنى ئۇخلاتماسلىق ئۈچۈن، قارچىغىنى قوندۇرىدىغان بوشلۇققا ئېسىلغان كالتەك.

تەۋرەتكۈچ

  • تەۋرەتكۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەۋرىتىش رولىنى ئوينايدىغان، تەۋرىتىدىغان نەرسە، ئۈسكۈنە.

تەۋرەتمەك

  • تەۋرەتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «تەۋرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئانىنىڭ ئاغرىۋاتقان قوللىرى بۆشۈكنى ئاران-ئاران تەۋرىتەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پەيدا قىلماق، قوزغىماق:[مىسال:] ئۇلار بۇ قېتىم خېلى ئىشلارنى تەۋرىتىۋەتتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېزىش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرمەك، يازماق:[مىسال:] شۇڭا قەلەم تەۋرەتتىم ئۆرلەپ قەلبىم جۇشقۇنى، نەزمەم-مېھنەت پېچىدىن چاچرىغان ئوت ئۇچقۇنى.

تەۋرەشمەك

  • تەۋرەشمەك[يەشمىسى:] «تەۋرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەۋرەنمە

  • تەۋرەنمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەۋرىنىپ تۇرىدىغان، تەۋرىنىشتىن ئىبارەت بولغان:[مىسال:] تەۋرەنمە ھەرىكەت.

تەۋرەنمەك

  • تەۋرەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «تەۋرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كىشىلەر دېڭىزدەك تەۋرىنەتتى.[يەشمىسى:] ② «تەۋرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] دەرەخ قاتتىق تەۋرىنىپتۇ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىككىلەنمەك، ئارىسالدى بولماق؛ تەمتىرىمەك:[مىسال:] تەۋرەنمەس ئىرادە. *ئۆز قوشۇنىمىزدىكى بىرمۇنچە كىشىلەرمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ تەۋرەنگەنىدى.

تەۋرىمەس

  • تەۋرىمەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئاسان تەۋرىمەيدىغان، مۇستەھكەم، چىڭ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى گەپ-سۆز ئاسان تەسىر قىلمايدىغان:[مىسال:] تەپسە تەۋرىمەس.

تەۋرىمەك

  • تەۋرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر يەردە ئۇياق-بۇياققا چايقالماق:[مىسال:] قەيسەر ئورۇندۇقتىن تەۋرەپمۇ قويماي، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇردى.[يەشمىسى:] ② سىلكىنمەك، تىترىمەك:[مىسال:] بوراننىڭ گۈركىرىشىگە تاغ تەۋرىمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] لەرزىگە كەلمەك، قوزغالماق، داغدۇغىلىق كەيپىياتقا كەلمەك:[مىسال:] ئاتا-ئانىلار سورىنىمۇ ھاياجاندىن تەۋرەپ كېتىشتى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بوشىماق:[مىسال:] شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇنىڭ ئىرادىسى سەل تەۋرەپ قالدى.

تەۋسىپ

  • تەۋسىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] سۈپەت بەلگىلىرىنىڭ بايانى ۋە تەرىپى:[مىسال:] بۇ ئوغۇللار ئىشتا باتۇر، ئاڭلىق ئىدى، تەۋسىپى ئەل-يۇرت ئىچىدە داڭلىق ئىدى.

تەۋسىيە

  • تەۋسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىراۋنى بىرەر ئىشقا لايىق، مۇۋاپىق دەپ كۆرسىتىش:[مىسال:] قاسىم مۇدىر ئۆز ئورنىغا يېقىن ئادىمى سايىمنى تەۋسىيە قىلدى.[يەشمىسى:] ② مەسلىھەت، تەكلىپ:[مىسال:] بۇ ياغلىقنى كېچە رۇستەمنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن، يۇنۇس كامېر ئىچىگە تاشلىۋەتكەنىدى.

تەيەممۇم

  • تەيەممۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] سۇ يوق يەردە، تۇپراق، لاتا قاتارلىق نەرسىلەرگە ئالىقاننى ئۇرۇپ، قول-يۈزنى سىلاپ ئېلىنغان شەرتلىك تەرەت:[مىسال:] سۇ يوق يەردە تەيەممۇم (ماقال).

تەيپۈن

  • تەيپۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىدىقۇت ئوغۇللرىدىن بىرىنىڭ نامى.

تەيپۈنەم

  • تەيپۈنەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «تەيپۈن»غا قاراڭ:[مىسال:] تەيپۈنەم زامانىدا.

تەيپۈنەم زامانىدا

  • تەيپۈنەم زامانىدا[يەشمىسى:] ناھايىتى بۇرۇنقى بىر ۋاقىتتا، ئۇزاق ئۆتمۈشتە:[مىسال:] ھەدېسىلا تەيپۈنەم زامانىسىدىكى گەپنى قىلماي، زامانغا بېقىپ سۆزلەيلى.

تەيجى

  • تەيجى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ۋاڭلىق تۈزۈمىدە، خان تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان ۋاڭدىن كېيىنكى ئەمەل. تەيجى ۋاڭ ئەۋلادىدىن بولىدۇ، ۋاڭنىڭ ئىككى تەيجىسى بولىدۇ.

تەيجىچۈەن

  • تەيجىچۈەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] كەڭ تارقالغان بىر خىل چامباشچىلىق ھۈنىرى. ھەرىكىتى ئاستا ۋە ئەۋرىشىم بولۇپ، تېخنىكىلىق ئېلىشىشتا قوللىنىشقا بولىدۇ. ئۇ يەنە ساغلاملىقنى ئاشۇرۇش ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

تەيجىلىك

  • تەيجىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەيجىدە بولىدىغان ھوقۇق، تەيجى قىلىدىغان خىزمەت:[مىسال:] ناھايىتى كەلسە، مىرغەزەپ مېنىڭ تەيجىلىكىمنى ئالۇر.

تەيلەتمەك

  • تەيلەتمەك[يەشمىسى:] «تەيلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەيلەشمەك

  • تەيلەشمەك[يەشمىسى:] «تەيلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تەيلەنمەك

  • تەيلەنمەك[يەشمىسى:] «تەيلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تەيلىك

  • تەيلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بەك قاتتىق، چىڭ، كۈچلۈك، ئاچچىق.

تەيلىمەك

  • تەيلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەكشىلەپ ئۈستى-ئۈستىلەپ تىزماق، دەستىلىمەك:[مىسال:] پۇل تەيلىمەك.

تەيفېڭ

  • تەيفېڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] تەيفېڭ شامىلى. تىنچ ئوكياننىڭ غەربىدىكى دېڭىزلاردا ۋە جەنۇبىي دېڭىز يۈزىدە پەيدا بولىدىغان ئىسسىق بەلۋاغ ھاۋا قاينىمى. ئۇ بىر خىل ئىنتايىن شىددەتلىك بوران بولۇپ، دەرىجىسى ئادەتتە ئون بالدىن ئېشىپ كېتىدۇ، قارا يامغۇرمۇ ئارىلاش ياغىدۇ.

تەيىن

  • تەيىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئېنىق قىلىش، بەلگىلەش:[مىسال:] تەيىن قىلماق.

تەيىنلەتمەك

  • تەيىنلەتمەك[يەشمىسى:] «تەيىنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تەيىنلەشمەك

  • تەيىنلەشمەك[يەشمىسى:] «تەيىنلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ، مەكتەپ ئورنىغا ئويماندەڭنى تەيىنلەشتى.

تەيىنلەنمەك

  • تەيىنلەنمەك[يەشمىسى:] «تەيىنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئالىم قوشۇنغا كوماندىر قىلىپ تەيىنلەندى.

تەيىنلىمەك

  • تەيىنلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بەلگىلىمەك، ئورۇنلاشتۇرماق:[مىسال:] بىز تېخى سىزنى يېڭى بىر ئىشقا تەيىنلىگەنىدۇق.[يەشمىسى:] ② ۋەزىپىگە، مەنسەپكە قويماق:[مىسال:] پەرىزاتنى زاۋۇت ئىشخانىسىغا مۇدىر قىلىپ تەيىنلىدى.

تەييار

  • تەييار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشقا ھازىرلىنىپ تۇرغان، ھازىر:[مىسال:] مەن خىزمىتىڭىزگە ھەرقاچان تەييار. ∥بوۋاي ئاتلىنىشقا تەييار تۇرغان يەتتە يىگىتكە قارىدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىشقا مايىل، رازى بولغان:[مىسال:] ئەمرلىرىگە بويسۇنۇشقا تەييارمىز، دېدى ئىككىسى.[يەشمىسى:] ③ ھازىرلاپ، پۈتكۈزۈپ قويۇلغان، ئىشلىتىشكە بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن، تەخ قىلىپ قويۇلغان:[مىسال:] تەييار ئۇرۇقلۇق قوناق بولغاندىكىن جىقراق تېگىشىۋالاي دەيمەن، ئۇكام.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزى ئەجىر، ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن:[مىسال:] تەييار گۆشنى يېگەن يولۋاس ئەمەس (ماقال). ∥دادام مازارغا شەيخ، مەن تەييارغا شەيخ (ماقال).

تەييارتاپ

  • تەييارتاپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]تەييار+تاپ[[يەشمىسى:] ئۆزى ئىشلىمەي، باشقىلارنىڭ مېھنىتىگە ئىگە بولۇۋالغۇچى:[مىسال:] مەتنىياز ھەقىقەتەن ھېچ ئىشقا يارىمايدىغان، ساختىپەز، تەييارتاپ بىر كىشى.

تەييارتاپلىق

  • تەييارتاپلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزى ئىشلىمەي، باشقىلارنىڭ مېھنىتىگە ئىگە بولۇۋېلىش:[مىسال:] ئۆم-ئىناقلىق، تىرىشچانلىق يار بىزگە، تەييارتاپلىق نەسلىمىزدىن ئار بىزگە.

تەييارگەرلىك

  • تەييارگەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەييار ھالەتكە كەلتۈرۈش، ھازىرلىنىش ئۈچۈن كۆرۈلگەن چارە-تەدبىر، ھەرىكەت، ھازىرلىق، تەييارلىق:[مىسال:] بىز يولغا چىقىشنىڭ تەييارگەرلىكىنى ھازىرلاپ پۈتكۈزدۇق.

تەييارلاتماق

  • تەييارلاتماق[يەشمىسى:] «تەييارلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ يەنە ئىلگىرىكىدىنمۇ يوغان تاياقلارنى تەييارلىتىپ، ئېسىپ قويغانىدى.

تەييارلاشماق

  • تەييارلاشماق[يەشمىسى:] «تەييارلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار مامۇت روزىغا مەخسۇس ئات تەييارلاشتى.

تەييارلانماق

  • تەييارلانماق[يەشمىسى:] ① «تەييارلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كەچقۇرۇن مەن بەختىيارنى راسا بىر ئەدەپلەشكە تەييارلاندىم.[يەشمىسى:] ② «تەييارلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كەچتە ئەخمەت ئەپەندىم ئۈچۈن مەخسۇس ئۆي تەييارلانغانىدى.

تەييارلىق

  • تەييارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھازىرلىق؛ تەييارلىنىش ھەرىكىتى:[مىسال:] تەييارلىق قىلماق.

تەييارلىقسىز

  • تەييارلىقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەييارلىقى يوق، تەييارلىق قىلمىغان، ھازىرلىقسىز:[مىسال:] ئۇلار ھېچقانداق تەييارلىقسىزلا يولغا چىققانىدى.

تەييارلىماق

  • تەييارلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تەييار، تەخ قىلماق؛ ھازىرلىماق:[مىسال:] ئوغلۇم، قاراڭغۇ چۈشۈپ قالدى، كالىلارغا كېچىدە بېرىدىغان ئوتلارنى تەييارلاپ قويغىنا[يەشمىسى:] ② ئىشلەپ پۈتكۈزمەك، يارىغۇدەك قىلماق:[مىسال:] ماقالە تەييارلىماق. دوكلات تەييارلىماق. ئويۇن تەييارلىماق.[يەشمىسى:] ③ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرمەك:[مىسال:] تاتار يىگىت ساقچىلارنى تەييارلايدىغان كۇرسقا ئوقۇشقا كىردى.

تراپېتسىيە

  • تراپېتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بىر جۈپ قارىمۇقارشى تەرەپلىرى پاراللېل بولغان تۆت تەرەپلىك. پاراللېل بولغان ئىككى تەرىپى ئاساسلىرى، پاراللېل بولمىغان ئىككى تەرىپى يانلىرى، ئىككى ئاساسى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق ئېگىزلىكى دېيىلىدۇ.

تراخوما

  • تراخوما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] كۆزدىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل. ئالامەتلىرى: بىرىكتۈرگۈچى پەردە يۈزىدە كۈل رەڭ دانىچىلەر شەكىللىنىپ، تەدرىجىي تاتۇق ھاسىل قىلىپ، مۈڭگۈز پەردىسىنى غىدىقلاپ، ئۇنى يارىلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. ئېغىر بولغاندا قارىغۇ قىلىپ قويىدۇ.

تراخىت

  • تراخىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] تەركىبى توغرا شىپات جىنسقا ئوخشاش بولغان ئېتىلما جىنس. ئاچ كۈل رەڭ، ئاچ سېرىق ۋە ئاچ قىزىل قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ.

تراخىتلىق

  • تراخىتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە تراخىت بولغان؛ تراخىتتا بولىدىغان خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە:[مىسال:] تراخىتلىق تۈزۈلمە.

تراكتور

  • تراكتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ماشىنا. تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، كىچىك تىپتىكىلىرىگە كاۋچۇك بالون، چوڭ تىپتىكىلىرىگە زەنجىر تاپان ئورنىتىلىدۇ.

تراكتورچى

  • تراكتورچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تراكتور ھەيدەيدىغان ئادەم:[مىسال:] تراكتورچى غاچ قىلىپ خوت يۆتكەپ، ئوقنى تەتۈر ئايلاندۇرماقچى بولدى.

تراكتورچىلىق

  • تراكتورچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تراكتور ھەيدەش بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى ۋە مەشغۇلاتى:[مىسال:] جېلىلنىڭ دۈيدە تراكتورچىلىق قىلغىنىغا ئون يىل بولغانىدى.

تراكتورسازلىق

  • تراكتورسازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تراكتور ياساش، ئۇنىڭ زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇراشتۇرۇش سانائىتى:[مىسال:] قاقاس بۇ جايدا، تراكتورسازلىق زاۋۇتى بىنا بولىدۇ دېسە، ھېچكىم ئىشەنمەيتتى.

تراكتورلاشتۇرماق

  • تراكتورلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «تراكتورلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] «ئالغا» دادۈيى يەر ھەيدەش ئۇرۇق سېلىش ئىشلىرىنى ئۈچ يىلدا تراكتورلاشتۇرۇپ بولۇش پىلانىنى تۈزدى.

تراكتورلاشتۇرۇلماق

  • تراكتورلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تراكتورلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تراكتورلاشماق

  • تراكتورلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تراكتور بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] خامان تېپىش تراكتورلاشقاندىن كېيىن، يازلىق يىغىم بۇلتۇرقىدىن ئون كۈن بۇرۇن تاماملاندى.

تراگېدىيە

  • تراگېدىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] باش قەھرىمان بىلەن رېئال مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇقەررەر توقۇنۇشتا، باش قەھرىمان بەختسىزلىككە ئۇچراپ، پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بىر خىل تىياتىر تۈرى.[يەشمىسى:] ② دەھشەتلىك ۋەقە، ھادىسە؛ پاجىئە:[مىسال:] مانا شۇنداق شارائىتتا، بۇ تراگېدىيە يۈز بەردى.

تراگېدىيىلىك

  • تراگېدىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تراگېدىيىگە ئائىت ۋە تراگېدىيىگە خاس بولغان؛ پاجىئەلىك:[مىسال:] سەن ئۆزۈڭ باشتىن كەچۈرگەن تراگېدىيىلىك كەچۈرمىشلىرىڭگە مېنىمۇ شېرىك قىلماقچىمۇسەن

تراگېكومېدىيە

  • تراگېكومېدىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] تىياتىرنىڭ ھەم تراگېدىيىلىك ئامىللارغا ھەم كومېدىيىلىك ئامىللارغا ئىگە بولغان بىر تۈرى.

تراللىبۇس

  • تراللىبۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] ئېلېكتر كۈچى بىلەن يۈرىدىغان ئاپتوبۇس.

ترامۋاي

  • ترامۋاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] شەھەر ئىچى تۆمۈر يوللىرىدا ئېلېكتر كۈچى بىلەن قاتنايدىغان پويىز شەكلىدىكى قاتناش قورالى.

ترانسپورت

  • ترانسپورت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] مەلۇم قاتناش لىنىيىسى ئارقىلىق يۈك ۋە يولۇچىلارنى توشۇش بىلەن شۇغۇللانغۇچى ساھە ياكى قاتناش ۋاسىتىلىرى.

ترانسفورماتور

  • ترانسفورماتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئېلېكتر<[يەشمىسى:] ئېلېكتروماگنىتلىق ئىندۇكسىيە قائىدىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزگىرىشچان توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىدىغان قۇرۇلما.

ترانسكرىپسىيە

  • ترانسكرىپسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] بىرەر تىلدىكى تىل تاۋۇشلىرىنى تاۋۇش ئېلېمېنتى نۇقتىسىدىن ئېنىق خاتىرىلەشتە قوللىنىلىدىغان شەرتلىك بەلگىلەر سىستېمىسى.

ترانسكرىپسىيىلەشتۈرمەك

  • ترانسكرىپسىيىلەشتۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ترانسكرىپسىيە بەلگىلىرى بىلەن دەلمۇدەل قىلىپ يېزىپ چىقماق، خاتىرىلىمەك:[مىسال:] ئوقۇتقۇچىلار ئەرەبچە يېڭى سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزىنى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىدا ترانسكرىپسىيىلەشتۈرۈپ بەردى.

ترانسكرىپسىيىلەشتۈرۈلمەك

  • ترانسكرىپسىيىلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ترانسكرىپسىيىلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ترانسكرىپسىيىلىك

  • ترانسكرىپسىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ترانسكرىپسىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان:[مىسال:] ترانسكرىپسىيىلىك بەلگە.

ترايېكتورىيە

  • ترايېكتورىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] مەلۇم نۇقتىنىڭ بوشلۇقتىكى يۆتكىلىش جەريانىدا بېسىپ ئۆتكەن پۈتۈن يولى.

تروپىك

  • تروپىك[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەر شارىدىكى جەنۇبىي كەڭلىك بىلەن شىمالىي كەڭلىكنىڭ32° 72' لۇق ئىككى كەڭلىك چەمبىرىدىكى كۈن نۇرى ئەڭ تىك چۈشىدىغان رايونلار:[مىسال:] تروپىكتىن ئۆتمەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇ رايونغا خاس بولغان، ئۇ يەرگە جايلاشقان ۋە ئۇ يەردە ئۇچرايدىغان:[مىسال:] تروپىك بەلۋاغ.

تروتىل

  • تروتىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] كۈچلۈك پارتلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، سېرىق كرىستال شەكلىدىكى بىر خىل كىسلاتا-پىكرىن كىسلاتاسى.

ترومبون

  • ترومبون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] تۇچتا ياسالغان ئۇزۇن سوزما كاناي. گەۋدىسى تاقا شەكلىدىكى ئىككى پارچە نەيچىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، سوزغىلى، ھەم يىغقىلى بولىدۇ. نەيچىنىڭ سوزۇلۇشى ۋە يىغىلىشى ئوخشاش بولمىغان يەتتە خىل ئاۋاز باسقۇچىقا بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن يەنە يېرىم ۋە سىيرىلما ئاۋازلارنىمۇ ئورۇنلىغىلى بولىدۇ.

ترېنېر

  • ترېنېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] تەنھەرىكەتچىلەرنى تەربىيىلەشكە ۋە مەشىق قىلدۇرۇشقا بىۋاسىتە مەسئۇل خادىم.

ترىپسىن

  • ترىپسىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە بولىدىغان بىر خىل ھەزىم قىلدۇرۇش فېرمېنتى. ئۇ ئاقسىل ماددىسىنى ئامىنۇ كىسلاتاسىغا پارچىلايدۇ.

ترىتىي

  • ترىتىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ھىدروگېن ئىزوتوپلىرىنىڭ بىرى. خىمىيىۋى بەلگىسى . (tritium)T رادىئوئاكتىپلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى 46.12 يىل. ئاتوم يادروسىدا بىر دانە پروتون بىلەن ئىككى دانە نېيترون بولىدۇ، ئىسسىق يادرو رېئاكسىيىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.

ترىگلا

  • ترىگلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل بېلىق. تەن شەكلى تاپانبېلىققا ئوخشاپ كېتىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن سەل كىچىكرەك كېلىدۇ، قورساق تەرىپى كۈمۈش رەڭدە كېلىدۇ، تاتلىق سۇدا ياشايدۇ.

ترىگونومېتىرىيە

  • ترىگونومېتىرىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ماتېماتىكىنىڭ بىر تارمىقى. ئاساسەن ترىگونومېتىرىيىلىك فۇنكسىيىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشىنى تەتقىق قىلىدۇ.

ترىگونومېتىرىيىلىك

  • ترىگونومېتىرىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈچ بۇلۇڭنىڭ تەرەپلىرى بىلەن بۇلۇڭلىرى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشلارغا ئاساسلانغان:[مىسال:] ترىگونومېتىرىيىلىك فۇنكسىيە. ترىگونومېتىرىيىلىك تەڭلىمە.

ترىلوگىيە

  • ترىلوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمما ئۆز ئالدىغا تۇرغاندا مۇستەقىل بىر ئاساسىي ئىدىيىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئۈچ توملۇق ئەسەر.

توپⅠ

  • توپⅠ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوراپ تېڭىلغان، ئۆلچەملىك قاتلانغان ياكى تىزىپ دەستىلەنگەن گەزلىمە، قەغەز قاتارلىقلارنىڭ ھەربىر بولىقى ۋە دۆۋىسى:[مىسال:] فابرىكا ئۇزۇنغا بارمايلا پۈتۈپ، ئۆزىنىڭ بىرىنچى توپ رەختىنى ئىشلەپچىقاردى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر يەرگە يىغىلغان كىشىلەر، ھايۋانلار، قۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئويۇشقان بۆلىكى:[مىسال:] يىراقتىن باغقا قاراپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزان بىلەن كىشىلەر توپى كېلەتتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر مەقسەت بىلەن ئۇيۇشقان كىشىلەر گۇرۇپپىسى:[مىسال:] مەخسۇت بەگنىڭ كىچىككىنە باندىتلىق توپى قۇرغانلىقى ئۇلارغا ئايان ئىدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىغىلغان، ئۇيۇشقان:[مىسال:] توپ بۇلۇت.

توپⅡ

  • توپⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① شار شەكلىدىكى تەنتەربىيە قورالى:[مىسال:] ۋالىبول توپى. پۇتبول توپى. چويۇن توپ. چويلا توپ.[يەشمىسى:] ② توپ ئويۇنلىرىدىكى نەتىجىنى ھېسابلاشتا قوللىنىلىدىغان بىرلىك:[مىسال:] 1-مايدا، ياشلار كوماندىسى تۆت توپ ئۇتتى.

توپⅢ

  • توپⅢ[يەشمىسى:] [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] چوڭ كالبىرلىق زەمبىرەك:[مىسال:] ئۇلارنىڭ قوشۇنىدا ئات سۆرەيدىغان چوڭ توپلار ناھايىتى كۆپ ئىدى.

توپا

  • توپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چېچىلىدىغان يۇمشاق تۇپراق:[مىسال:] قان تۆكۈلگەن يەردىن سېرىق توپا ئۆرلەپ چىقىپتۇ.

توپا تەرەت

  • توپا تەرەت[يەشمىسى:] يۈز-كۆزىگە توپا-چاڭ قونغان، ئۈستۋېشى توپا.

توپا تۇتماق

  • توپا تۇتماق[يەشمىسى:] مېيىتنى دەپنە قىلىپ گۆر ئېغىزىنى ئېتىشتىن ئىلگىرى، كىشىلەرنىڭ ئايەت ئوقۇپ دەم بېرىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ پەش ياكى گۈرجەك بىلەن توپا ئۇزاتماق.

توپىسىنى كۆزگە سۈرتكۈدەك بولماق

  • توپىسىنى كۆزگە سۈرتكۈدەك بولماق[يەشمىسى:] قاتتىق سېغىنماق، ئاجايىپ كۆرگۈسى كەلمەك:[مىسال:] مەن ئون يىلدىن بېرى يۇرتۇمنى، ئاتا-ئانامنى كۆرمەي، ئۆيىمىزنىڭ توپىسىنى كۆزگە سۈرتكۈدەك بولدۇم.

توپىسى ئېغىر

  • توپىسى ئېغىر[يەشمىسى:] تاشلاپ كېتىش ئاسانغا چۈشمەيدىغان؛ ئاسان ئايرىلغىلى بولمايدىغان، ئۇزۇنراق تۇرۇپ قالىدىغان:[مىسال:] كېتىمەن، كېتىمەن دەپ تۇرغىنىڭغا تۆت يىل بولۇپ قالدى، تېخى كېتەلمىدىڭ، بۇ يېزىنىڭ توپىسى ئېغىر.

توپا-توزان

  • توپا-توزان[يەشمىسى:] ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن توپا ۋە ئۇنىڭ توزۇندىلىرى:[مىسال:] ئۇ ئاسمان-زېمىننى قاپلىغان توپا-توزان ئىچىدە قالدى.

توپا-تۇمان

  • توپا-تۇمان[يەشمىسى:] «توپا-توزان»غا قاراڭ:[مىسال:] ئۇچۇرۇپ قۇمنى، توپا-تۇماننى، چاچماقتا ھەر يان ئوت-خەس، ساماننى.

توپا-چاڭ

  • توپا-چاڭ[يەشمىسى:] «توپا-توزان»غا قاراڭ:[مىسال:] قارادۆڭ يېزىسىغا توپا-چاڭ كۆتۈرۈپ، مەنسۇر باشلىق ئۈچ ئاتلىق ئادەم كەلدى.

توپاز

  • توپاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. خىمىيىۋى تەركىبى Al2(FOH)2SiO4. ئۇ ئادەتتە سېرىق، ئاچ زەڭگەر، ئاچ يېشىل، ئاچ كۈل رەڭ ياكى ئاق رەڭلەردە بولىدۇ؛ سۈزۈكلىرى بىر خىل گۆھەر ھېسابلىنىدۇ.

توپانⅠ

  • توپانⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>دېھقانچىلىق<[يەشمىسى:] بۇغداي، شال، تېرىق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ خاماندا دېنى ئايرىۋېلىنغاندىن كېيىن قېلىپ قالغان غول، يوپۇرماقلىرىنىڭ توپىدەك بولۇپ كەتكەن ئۇۋاقلىرى.

توپانⅡ

  • توپانⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① دىنىي رىۋايەتلەردە ئېيتىلىدىغان نۆھ پەيغەمبەر زامانىسىدىكى ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيانى باسقان سۇ تاشقىنى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۈچلۈك دولقۇن، تاشقىن، ئېقىن:[مىسال:] قالدى بىر قامغاق كەبى بوران ئارا، يا قېيىقسىز بەندىدەك توپان ئارا.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زور بالايىئاپەت:[مىسال:] قانچە توپانلار، بورانلار ئۇچرىدى، ئەمما باش ئەگمىدۇق.

توپبېشى

  • توپبېشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]توپ+باش+ى[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ۋاڭلىق تۈزۈمدە، باشقىلارنى ۋاڭ بىلەن كۆرۈشتۈرۈش، ۋاڭنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى يەتكۈزۈش ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئوردا خىزمەتچىسى.

توپ-توپ

  • توپ-توپ[يەشمىسى:] ئايرىم-ئايرىم ھالەتتىكى بىرقانچە توپ:[مىسال:] ئادەملەر توپ-توپى بىلەن بىز تەرەپكە كېلىۋاتاتتى.

توپچە

  • توپچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈگمە:[مىسال:] بالا ئانىسىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى قاتتىق چىشلەپ تارتىپتۇ.

توپچىⅠ

  • توپچىⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داۋاملىق توپ ئويناشقا بېرىلگەن ياكى مەلۇم توپ كوماندىسىغا قاتناشقان كىشى.

توپچىⅡ

  • توپچىⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] توپ ئاتقۇچى، توپ بىلەن قوراللانغان قىسىمدا ئىشلىگۈچى:[مىسال:] رۇس توپچىلىرى نېمىسلار ئىگىلىۋالغان دەريا بويىدىكى ئىستىھكاملارنى كۈن بويى ئوققا تۇتۇپ تۇردى.

توپ-زەمبىرەك

  • توپ-زەمبىرەك[يەشمىسى:] توپ ۋە زەمبىرەك، ئومۇمەن ئېتىش مۇساپىسى نىسبەتەن ئۇزۇن، ۋەيران قىلىش كۈچى نىسبەتەن زور بولغان ئېغىر تىپتىكى ھەربىي قوراللار.

توپقا

  • توپقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۆپچىلىك.

توپلاتماق

  • توپلاتماق[يەشمىسى:] «توپلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يېزىلىق ھۆكۈمەت ئائىلىلەرگە ئوغۇت توپلاتتى.

توپلاشماق

  • توپلاشماق[يەشمىسى:] «توپلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مەھەللىدىكى ئەل-جامائەت بولۇپ خېلى نۇرغۇن كىشىلەر توپلاشتى.

توپلاقلىق

  • توپلاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توپلاپ قويۇلغان، توپلانغان.

توپلام

  • توپلام[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر تۈردىكى نەرسىلەردىن مەلۇم تەرتىپتە جەملەنگەن، يىغىلغان:[مىسال:] توپلام ئۇقۇم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم تەرتىپتە توپلانغان ۋە نەشر قىلىنغان ئەسەر، قارار، مەجمۇئە:[مىسال:] «كۆكلەم» ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى ئىدى.

توپلاملىق

  • توپلاملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توپلام بولىدىغان:[مىسال:] ئۇ ئۆمرىدە نەچچە ئون توپلاملىق ئەدەبىي ئەسەر يېزىپ بىزگە مىراس قىلىپ كەتتى.

توپلانماق

  • توپلانماق[يەشمىسى:] ① «توپلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كوماندىرىمىزنىڭ بۇيرۇقى بويىچە چاققانلىق بىلەن ئاۋۋالقى جايىمىزغا توپلاندۇق.[يەشمىسى:] ② «توپلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھازىر ناھىيە بويىچە 420 مىڭ كۇب مېتىر ئوغۇت توپلاندى.

توپلەي

  • توپلەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئەر-ئاياللارنىڭ يازلىق ئاياغ كىيىملىرىنىڭ ئومۇمىي نامى:[مىسال:] ئېگىز پاشنىلىق توپلەي. ئارا پاشنىلىق توپلەي.

توپلەيلىك

  • توپلەيلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① توپلەي كىيگەن.[يەشمىسى:] ② توپلەي تىكىشكە بولىدىغان:[مىسال:] بىر توپلەيلىك خۇرۇم.

توپلۇق

  • توپلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توپ ھالەتتىكى، توپلاشقان:[مىسال:] جانلىقلار ئىچىدە پەقەت ئادەملا توپلۇق خاراكتېرىدىكى ئىجتىمائىيلىققا ئىگە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم. يېڭىسار ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ ۋە ئاقسۇ شەھىرىگە قاراشلىق يەنە بىر يېزىنىڭ نامى.

توپلىماق

  • توپلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تارقاق نەرسىلەرنى بىر يەرگە يىغماق، جەملىمەك:[مىسال:] ئۇ چېچىلىپ كەتكەن ئالمىلارنى تېرىپ بىر يەرگە توپلىدى.[يەشمىسى:] ② بىر-بىرلەپ يىغىپ كۆپەيتمەك:[مىسال:] ھېساب ۋە تەبىئەتكە دائىر كىتابلارنى يول راسخوتى ئۈچۈن سېتىپ، پۇل توپلىدىم.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بارىنى بىر يەرگە يىغماق، مەركەزلەشتۈرمەك (كۈچ، دەرمان، زېھىن قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] نۆۋەتتە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچنى توپلاپ، بۇ كۈرەشكە ياخشى رەھبەرلىك قىلىشى لازىم.

توپوگراف

  • توپوگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئۆلچەش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] توپوگرافىيە مۇتەخەسسىسى.

توپوگرافىيە

  • توپوگرافىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئۆلچەش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] گېئودېزىيىنىڭ بىر تارمىقى. يەر يۈزىنى ئۆلچەش، پىلان، خەرىتىگە چۈشۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

توپوگېئولوگىيە

  • توپوگېئولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] گېئولوگىيىنىڭ يەر شەكلىنى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىدىغان قىسمى.

توپولوگىيە

  • توپولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ماتېماتىكىنىڭ بىر تارمىقى. گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەرنىڭ ئۆز شەكلىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتكەندە يەنە ساقلاپ قالالايدىغان بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ.

توپۇرⅠ

  • توپۇرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ تەرتىپسىز قەدەم بېسىشىدىن ئاڭلانغان ئاۋاز:[مىسال:] يېرىم كېچە بولغاندا، دېرىزە تۆۋىدە كۆرۈنگەن كۆلەڭگە بىلەن «توپۇر» قىلغان بىر ئاۋاز پەيدا بولۇپ، يەنە جىمىدى.

توپۇرⅡ

  • توپۇرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سەپ، رەت، قاتار.

توپۇر-توپۇر

  • توپۇر-توپۇر[يەشمىسى:] تەرتىپسىز بېسىلغان نۇرغۇن ئاياغ تاۋۇشى:[مىسال:] دەرۋازا تېشىدىن ئادەملەرنىڭ توپۇر-توپۇر ئاياغ تاۋۇشى ئاڭلاندى.

توپۇرلاتماق

  • توپۇرلاتماق[يەشمىسى:] «توپۇرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

توپۇرلاشماق

  • توپۇرلاشماق[يەشمىسى:] «توپۇرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كۆپچىلىك ئۇنىڭ ئارقىسىدىن توپۇرلىشىپ ماڭدى.

توپۇرلىماق

  • توپۇرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «توپۇر» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] كوچىدىن ئاتلار توپۇرلاپ ئۆتۈپ كەتتى.

توپۇق

  • توپۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھايۋاننىڭ تىزىدىكى ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك سۆڭەك. ئۇچى پەسكە قاراپ تۇرىدۇ. [يەشمىسى:] ② ئۆزئارا تەقدىم قىلىپ ئويناش ئۈچۈن، ئالاھىدە تەييارلانغان توپۇق سۆڭىكى:[مىسال:] توپۇق ئوينىماق.[يەشمىسى:] ③ سۆڭەك، لىمفا توقۇلمىسى، قان ئىشلەپچىقىرىش توقۇلمىسى قاتارلىقلاردا بولىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە:[مىسال:] توپۇق چىقماق.

توپىلاتماق

  • توپىلاتماق[يەشمىسى:] «توپىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھېكىم بوۋاي ئېتىزنىڭ قىرىدا ھاسىسىنى تايىنىپ تۇرۇپ، نەۋرىلىرىگە بۇ بىرمو يەرنى توپىلاتتى.

توپىلاشماق

  • توپىلاشماق[يەشمىسى:] «توپىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] دېھقانلار بەس-بەستە كۈزگىلىرىنى توپىلاشتى.

توپىلاڭⅠ

  • توپىلاڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قالايمىقان ۋاراڭ-چۇرۇڭ، ئۇرۇش-ماجىرا:[مىسال:] توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلىماق. * توپىلاڭدا ھەر تەرەپكە ئاغدۇرۇلغان شىرە-ئورۇندۇقلار يەردە ياتاتتى.[يەشمىسى:] ② ئىسيان، غەلىيان:[مىسال:] ئۇلار خانغا قارشى توپىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولۇشىۋاتاتتى.

توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلىماق

  • توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلىماق[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ دىققىتى مەلۇم جىددىيلىك ۋە قالايمىقان ھالەت بىلەن بەند بولغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرماق.

توپىلاڭⅡ

  • توپىلاڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇمشاق، بوزاڭ توپا بىلەن قاپلانغان ھالەت ۋە ئاشۇنداق جاي:[مىسال:] رۇزىمەت يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا پىرقىراپ يۈرۈپ، كىگىز ئورنىدەك يەرنى ئاق توپىلاڭغا ئايلاندۇرىۋەتكەنىدى.

توپىلاڭچى

  • توپىلاڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توپىلاڭ پەيدا قىلىش، توپىلاڭ كۆتۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغۇچى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقۇچى:[مىسال:] تاغلىق توپىلاڭچىلارنى يوقىتىش سىزنىڭ لەشكىرىي تەييارلىقىڭىزنىڭ بىر مۇھىم قىسمى بولۇشى كېرەك.

توپىلانماق

  • توپىلانماق[يەشمىسى:] ① «توپىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] باش ئەتىياز زىرائەتلىرى تېرىلىدىغان 16 مىڭ مو يەر تۈزلىنىپ ۋە توپىلىنىپ بولدى.[يەشمىسى:] ② توپىلاڭدا ئېغىناپ ياتماق، يۇمىلانماق:[مىسال:] تام تۈۋىدىكى قۇرۇق توپىدا توخۇلار ئېغىناپ توپىلانماقتا ئىدى.

توپىلىق

  • توپىلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توپىسى بار، توپا بىلەن تولغان:[مىسال:] قۇم توپىلىق ئېتىز. سېغىز توپىلىق يول.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇمشاق، بوزاڭ، قېلىن توپىسى بار جاي:[مىسال:] كۈن تىكلەنگەندە، بۇ توپىلىقتىن ئاياغ كىيمەي ماڭغىلى بولمايتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توپىسى قېلىن، كۆپ؛ توپا باسقان، توپا توزۇپ تۇرىدىغان:[مىسال:] يولۇچىلار ئاپتوبۇسى سولغا بۇرۇلدى-دە، تار ۋە توپىلىق يولدا ئاستا ئىلگىرىلەشكە باشلىدى.

توپىلىماق

  • توپىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۈنۈمسىز تۇپراق ئۈستىگە ئۈنۈملۈك، كۈچلۈك تۇپراقنى تۆكمەك، توپا يېيىتماق، چاچماق:[مىسال:] قاراقىشتا بۇغداي توپىلاپ، بېشىم ئېلىشىپ قالدى دەملا

توتۇرماق

  • توتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تېرىكتۈرمەك، خاپا قىلماق، قېرىشماق، چىشىغا تەگمەك.

توتېم

  • توتېم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە، بىر ئۇرۇق كىشىلىرى ئۆزلىرى بىلەن قانداشلىق ياكى باشقا ئالاھىدە مۇناسىۋەتكە ئىگە دەپ قارىغان ۋە قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە چوقۇنغان جانلىقلار ھەم تەبىئىي نەرسىلەر.

توتېمىزم

  • توتېمىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى ئەڭ دەسلەپكى بىر خىل دىنىي ئېتىقاد. ئۇ تەخمىنەن ئۇرۇق جامائەسى بىلەن بىللە پەيدا بولغان. قەدىمكى ھەربىر ئۇرۇق كىشىلىرى ئۆزلىرىنى مەلۇم ھايۋان، ئۆسۈملۈك ياكى جانسىز ماددىلار بىلەن قانداشلىق ياكى باشقا ئالاھىدە مۇناسىۋەتكە ئىگە دەپ قارىغان ۋە ئۇلارغا شۇ ئۇرۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە سىمۋولى سۈپىتىدە چوقۇنغان. بۇ خىل ئېتىقاد ئەينى ۋاقىتتا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ساقلانغان بولۇپ، ھازىرمۇ بەزى قەبىلە ۋە مىللەتلەر ئارىسىدا ئۇچرايدۇ.

توچكا

  • توچكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر جاي ياكى بوشلۇقتىكى مەلۇم بىر دائىرىنى كۆرسىتىدىغان بەلگە، نۇقتا.[يەشمىسى:] ② نۇقتا، چېكىت:[مىسال:] ئۇ قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسىدا يەتتە توچكىغا تولۇق تەگكۈزۈپ، ئەلا نەتىجە بىلەن تەقدىرلەنگەن.

توختاتماق

  • توختاتماق[يەشمىسى:] ① «توختىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ دەرھال ئېتىنى توختاتتى.[يەشمىسى:] ② بېكىتمەك، بەلگىلىمەك:[مىسال:] ئۇچرىشىش ۋاقتىنى ئۈچ كۈندىن كېيىنگە توختاتساق.[يەشمىسى:] ③ ۋەزىپە ئۆتەشتىن چەكلىمەك، قالدۇرماق:[مىسال:] ئۇلار مەنسۇرنى شۇجىلىقتىن ۋاقىتلىق توختاتتى.[يەشمىسى:] ④ تۇرغۇزماق، ئىشلەتمەك:[مىسال:] ئۆيدە بالا باققۇچى توختىتايلى دېسەك، سېنىڭ مائاشىڭنىڭ يېرىمى كېتىدۇ.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باسماق، تۇتماق:[مىسال:] ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن ئۆزىنى خېلى توختاتقان ئادەملىكى بىلىنىپ تۇراتتى.

توختاشماق

  • توختاشماق[يەشمىسى:] «توختىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

توختالغۇ

  • توختالغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① جىددىي پەيتتىمۇ ئۆزىنى توختىتىۋالالايدىغان خۇسۇسىيەت، ئالاھىدىلىك:[مىسال:] توختالغۇسى بار. توختالغۇسى يوق.[يەشمىسى:] ② توختاپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك جاي، ئورۇن:[مىسال:] ساي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ كىچىككىنە كەپە يولۇچىلار ئۈچۈن ئۆتەڭ بولالمىسىمۇ، بىر توختالغۇ بولۇپ قالغانىدى.

توختالغۇسىز

  • توختالغۇسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۈزلۈكسىز، توختىماستىن:[مىسال:] ئۇلار: بىزگە قورال بېرىلسۇن ھېچقانداق توختالغۇسىز ئالدىنقى لىنىيىگە بارىمىز، -دەپ مۇراجىئەت قىلدى.

توختالماق

  • توختالماق[يەشمىسى:] ① «توختىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يا پۇل، يا ئاشلىقى يوق تۇرسا، قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىش يەنە توختالسا، قانداقمۇ بىرنېمە قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② «توختىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يۇقىرىدا بىز زۇنۇن قادىر ھېكايىلىرىنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتۇق.

توختام

  • توختام[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توختاپ قالغان، ئاقمايدىغان:[مىسال:] توختام سۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى ياكى بىرقانچە تەرەپ مەلۇم بىر ئىشنى بىرلىكتە ئېلىپ بارغاندا، ھەرقايسىسىنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى بەلگىلەش ئۈچۈن بېكىتىپ چىقىلغان ھەمدە ئورتاق رىئايە قىلىنىدىغان مەزمۇن ۋە ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىم ۋە بۇ ھەقتىكى ھۆججەت:[مىسال:] توختامدا تەدبىر كونكرېت، مەسئۇلىيەت ئېنىق بەلگىلەندى.

توختاملاشماق

  • توختاملاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① گېپىنى بىر يەرگە توختاتماق، پۈتۈشمەك:[مىسال:] موللام بىلەن توختاملىشىپ، ئۇنى ئۆيگە باشلاپ كەلدىم.[يەشمىسى:] ② ئۆزئارا توختام تۈزۈشمەك:[مىسال:] بىز شەھەر ئىدارىلىرىنى كۆكتات بىلەن، شەھەر ئىدارىلىرى بىزنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ توختاملاشتۇق.

توختاملىق

  • توختاملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توختامغا ئاساسلانغان، توختام بويىچە مۇددىتى بەلگىلەنگەن:[مىسال:] توختاملىق ئىشچى.

توختامنامە

  • توختامنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ياكى بىرقانچە تەرەپنىڭ ئۆزئارا كېڭىشىپ بېكىتىپ چىققان كېلىشىمى ۋە شۇ ھەقتە يېزىلغان ھۆججەت.

توختاۋسىز

  • توختاۋسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] توختىماستىن، ئۈزلۈكسىز:[مىسال:] ئۇنىڭ بىر جۈپ نۇرلۇق كۆزىدىن توختاۋسىز ياش تۆكۈلۈشكە باشلىدى.

توختۇن

  • توختۇن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سالماق، ئېغىر-بېسىق، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان.

توختىماق

  • توختىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مەلۇم ئىش، ھەرىكەت، پائالىيەت ۋە باشقىلار داۋاملاشماي قويماق:[مىسال:] ئات غالىبتىن ئون قەدەمچە ئۆتۈپ بېرىپ توختىدى.[يەشمىسى:] ② بىر يەرگە بېرىپ قالماق (ياش ھەققىدە):[مىسال:] ئۇ سالاپەتلىك، يېشى توختىغان ئادەم ئىدى.[يەشمىسى:] ③ قارار تاپماق، ئورۇنلاشماق:[مىسال:] سۇ قاتتىق يەردە توختايدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ④ بېكىمەك، بىر قارارغا كەلمەك:[مىسال:] تالاش-تارتىش تۈگىمەي، گەپ بىر يەرگە توختىمىدى.[يەشمىسى:] ⑤ كۈتمەك، ساقلىماق:[مىسال:] شۇ چاغدا ناسىر ئاكا تولىمۇ خىجىللىق ئىچىدە:[مىسال:] خاپا بولماي چىلگە پىشقىچە توختاپ بېرىشسىلە، دېدى.[يەشمىسى:] ⑥ ئۈزۈلۈپ قالماق:[مىسال:] قاتناش توختىدى. * ئېقىۋاتقان سۇ بىردەمدىلا چىپپىدە توختىدى.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى ئورۇنداش ياكى بىرەر نەرسىگە ئېرىشىش مەلۇم قىممەتكە ۋە ئەجىرگە توغرا كەلمەك:[مىسال:] ئۇ ياققا تارتىشىپ بۇ ياققا تارتىشىپ، ئاخىر ئۈجمە سايىسىنىڭ باھاسى 400 تەڭگە ئاق كۈمۈشكە توختاپتۇ.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاغزىغا، تىلغا ئېلىپ ئۆتمەك؛ توختالماق:[مىسال:] ئەمدى مەن يېزا ئىگىلىك مەسىلىسىدە توختاپ ئۆتىمەن.

توختىماي

  • توختىماي[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] توختىماستىن، ئۈزلۈكسىز، داۋاملىق:[مىسال:] ئاتلارنىڭ توختىماي چېپىشى بىلەن ئۇلار بىردەمدىلا مەھەللىگە يېتىپ چىقتى.

توخۇ

  • توخۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۆي قۇشلىرىدىن بىرى. ھەر خىل سورتلىرى بار، تۇمشۇقى قىسقا، ئۈستۈن تۇمشۇقى ئېگىلگەن، بېشىدا قىزىل تاجىسى بولىدۇ؛ قانىتى قىسقا، ئېگىز ئۇچالمايدۇ؛ گۆش ۋە تۇخۇم ئۈچۈن بېقىلىدۇ:[مىسال:] مالنىڭ بېشى توخۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② شۇ ھايۋاننىڭ گۆشى:[مىسال:] بۈگۈن كەچ توخۇ شورپىسى زىياپىتى بولدى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] مۈچەل يىل ھېسابىدا ئونىنچى يىلنىڭ نامى:[مىسال:] ئۇنىڭ مۈچىلى توخۇ ئىكەن.

توخۇ پوقى

  • توخۇ پوقى[يەشمىسى:] ئاسان قۇتۇلغىلى بولمايدىغان، مۇتتەھەم، كۆكەرمە، ئەسكى:[مىسال:] بۇ توخۇ پوقىنى نەدىن باشلاپ كەلگەندۇ بۇ ئادەم.

توخۇچى

  • توخۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① توخۇ بېقىش، سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى:[مىسال:] بۇ خورازنى بازاردا بىر توخۇچىدىن سېتىۋالدىم.[يەشمىسى:] ② توخۇ پىشۇرۇپ سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى:[مىسال:] توخۇچىلارنىڭ ئالدىدىكى توخۇ گۆشلىرىدىن ھور چىقىپ تۇراتتى.

توخۇچىلىق

  • توخۇچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توخۇ بېقىش ۋە سېتىش ئىشى:[مىسال:] دوستۇم راززاق توخۇچىلىق قىلىۋېتىپتۇ.

تورⅠ

  • تورⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يىپ ياكى سۈنئىي تالالاردىن كاتەك-كاتەك كۆزلۈك قىلىپ توقۇلغان توقۇلما:[مىسال:] باغنىڭ ئۈستىدىن ئايلاندۇرۇپ تارتىلغان نازۇك ئىنچىكە ئالتۇن تور ئۇلارنىڭ ئۇچۇپ كېتىشىگە يول قويمايدىكەن. ∥ تور ياغلىق. تور سومكا.[يەشمىسى:] ② شۇنداق شەكىلدە ئىشلەنگەن بۇيۇم:[مىسال:] سىم تور.[يەشمىسى:] ③ ئۆمۈچۈك، پىلە قۇرتى قاتارلىقلارنىڭ تارتقان يىپلىرى:[مىسال:] ئۆمۈچۈك تورى. پىلە تورغا كىردى.[يەشمىسى:] ④ بېلىق تۇتۇش، قۇش ئوۋلاش ئۈچۈن، كۆزلۈك قىلىپ توقۇلغان يىپ:[مىسال:] قۇش قېرىپ تورغا چۈشمەس، ئەر قېرىپ قولغا چۈشمەس (ماقال). * بىر كۈنى ئۇ ئۆيدىن چىقىپ، دەرياغا تور ساپتۇ.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۇزاق، قاپقان؛ قامال:[مىسال:] پەرىزات مانا ئەمدى بىر چوڭ جىنايى تور ئىچىگە كىرىپ قالدى.[يەشمىسى:] ⑥ قوغۇن پىشقاندا، شاپىقىدا ھاسىل بولىدىغان ئەگرى-بۈگرى كېسىشكەن سىزىقلار.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك ساھە، سىستېما:[مىسال:] ئىجتىمائىي سودا تورلىرىنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشى ئارقىسىدا، بازارنى تەمىنلەش تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ.

تورغا چۈشمەك

  • تورغا چۈشمەك[يەشمىسى:] ① تورنىڭ ئىچىگە كىرىپ قامىلىپ قالماق (بېلىق ۋە قۇشلار ھەققىدە).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاپقانغا چۈشمەك، قامال قىلىنماق، قولغا ئېلىنماق.

تورⅡ

  • تورⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىر جىسىم يەنە بىر جىسىمغا ئۇرۇلغاندا، ماسسىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئۆز ھەرىكىتىگە قوشۇلىدىغان قوشۇمچە كۈچ، تەسىر:[مىسال:] پەخىردىن ئۆز كۈچىنىڭ تورى بىلەن كەتمەن ئۈستىگە يىقىلدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سالماق، ۋەزىن، ئەھمىيەت:[مىسال:] ئۇنىڭ گېپىنىڭ خېلى تورى بار.

تور كەتمەك

  • تور كەتمەك[يەشمىسى:] تەسىر يەتمەك، دەز كەتمەك:[مىسال:] چاپىنى بارغا مۇشت ئاتسام، جۇۋىسى بارغا تور كەتتى (ماقال).

تورپاق

  • تورپاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى ياشقا تولمىغان ئەركەك موزاي:[مىسال:] يېنىڭدىكى تورپاق ئۇي بولماس (ماقال).

تورپاقلىق

  • تورپاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تورپىقى بار، تورپىقى بولغان:[مىسال:] ئېغىلغا كىرىپ بېقىڭلار، يەر ئىسلاھاتىدا تەگكەن مېۋە ھازىر كۆپىيىپ، بىر تورپاقلىق ئىنەك، 16 قوي بولدى.

تورتⅠ

  • تورتⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئادەم ئىچىدىن يەل قاتتىق چىققاندا ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز.

تورتⅡ

  • تورتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[يەشمىسى:] خېمىرىغا قوي مېيى، سېرىق ماي، شېكەر، تۇخۇم قاتارلىقلار قوشۇلۇپ تەييارلىنىدىغان، بېزەلگەن تاتلىق يېمەكلىك.

تورت-تورت

  • تورت-تورت[يەشمىسى:] «تورتⅠ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

تورتتىدە

  • تورتتىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «تورت» قىلغان ھالدا، «تورت» قىلىپ:[مىسال:] ئۇ كۈلكىسىنى باسالماي تورتتىدە چىقىرىۋەتتى.

تورچى

  • تورچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بېلىقچى.

تورسۇق

  • تورسۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «چاناچ»قا قاراڭ.

تورسىمان

  • تورسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تورغا ئوخشاش، تور شەكىللىك:[مىسال:] تورسىمان ئىچكى تېرە سىستېمىسى.

تورغا

  • تورغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارا ئۆي تەرمىسىنىڭ سىرتىغا يېپىلغان كىگىز.

تورغاي

  • تورغاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قاناتلىرى سۇس قوڭۇر، قارا رەڭلىك سىزىقچىلىرى بار، تۇمشۇقى كىچىك ۋە ئۇچلۇق، قانىتى چوڭ، ئېگىز ئۇچىدىغان، يېقىملىق سايرايدىغان بىر خىل قۇش.

تورغۇتⅠ

  • تورغۇتⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] موڭغۇل قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى.

تورغۇتⅡ

  • تورغۇتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ياغ قاچىلايدىغان بىر خىل قاچا.

تورف

  • تورف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] كۆمۈرگە ئايلىنىش دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولغان يېقىلغۇ. رەڭگى پاتقاققا ئوخشاش قارا، قوڭۇر ياكى قىزغۇچ كېلىدۇ؛ يېزا ئىگىلىكىدە ئوغۇت قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ، سانائەتتە كۆمۈر گازى، پاتقاق گازى، ياغاچ ئىسپىرتى ياساش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ ھەم يېقىلغۇ ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.

تورقا

  • تورقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياۋا كەندىر چىگىسى.

تورقاق

  • تورقاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] بىر تەرەپتىن ئىككىنچى بىر تەرەپكە كېپىللىك ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئادەم.

تورلاتماق

  • تورلاتماق[يەشمىسى:] «تورلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھەنىپەم پىچىلغان كۆڭلەكلىك رەختىنى ئېلىپ، ماشىنىچى يېنىغا تورلاتقىلى ماڭدى.

تورلاشتۇرماق

  • تورلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «تورلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ناھىيىدىكى يېزا-كەنتلەر ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

تورلاشتۇرۇلماق

  • تورلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تورلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] خوشۇت ناھىيىسىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ كۆپ قىسمى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇلدى.

تورلاشماق

  • تورلاشماق[يەشمىسى:] ① «تورلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② تۈرلۈك شەكىلدە كېسىشكەن سىزىقلار بىلەن قاپلانماق (قوغۇن، قاپاق، كاۋا قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] تورلاشقان قوغۇن.[يەشمىسى:] ③ ھەر تەرەپكە يۆنەلگەن لىنىيىلەر تۇتىشىپ، تور ھالىتىنى شەكىللەندۈرمەك:[مىسال:] بۇ يىل ئەتىيازدا يېزا-كەنتلەرنىڭ ئورمان بىلەن تورلىشىشى چىڭ تۇتۇلدى.[يەشمىسى:] ④ غۇۋالاشماق، تالماق (كۆز ھەققىدە):[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزلىرى تورلىشىپ، بېشى قايغاندەك بولدى.

تورلانماق

  • تورلانماق[يەشمىسى:] «تورلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئېتىلغان پاختىلار ئىككى كۈن ئىچىدىلا تورلىنىپ بولدى.

تورلۇقⅠ

  • تورلۇقⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كاتەك-كاتەك تور شەكىلدە توقۇلغان ياكى جىيەكلىرىگە تور تۇتۇلغان، ئەتراپىنى يىپ بىلەن تورغا ئوخشاش ئورىغان:[مىسال:] دېرىزە سىرتىغا سىم تورلۇق قاپقاق بېكىتىلگەنىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پوستىدا تورغا ئوخشاش سىزىقلىرى بار:[مىسال:] تورلۇق قوغۇن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تور قىلىنغان ياكى تور قىلىشقا لايىق نەرسە:[مىسال:] دېرىزىگە تورلۇق ئۈچۈن، بەش مېتىر رەخت سېتىۋالدىم.

تورلۇقⅡ

  • تورلۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ۋەزنى، بېسىمى، سالمىقى بار:[مىسال:] تورلۇق پالتا.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەسىر قىلىدىغان، قاتتىق تېگىدىغان:[مىسال:] ماڭا تولا تورلۇق گەپ قىلماڭ.

تورلىما

  • تورلىما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىپى قوش ئېگىرىلىپ، سىپتا توقۇلىدىغان ماتانىڭ بىر خىلى.

تورلىماق

  • تورلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يىپنى تور شەكلىدە كېسىشتۈرۈپ تىكمەك:[مىسال:] ھاشىخان ئاچا غەلۋىرنىڭ يىرتىلغان يېرىنى چىگە يىپ بىلەن تورلاپ ئولتۇراتتى.[يەشمىسى:] ② سىرتىنى تور بىلەن قاپلىماق:[مىسال:] ھېلىقى ئاتقۇچى ئۇستا پاختىنى ئېتىپ راسلىۋالغاندىن كېيىن، ئېگىرىلگەن يىپ بىلەن تورلىغىلى تۇردى.[يەشمىسى:] ③ پىچىلغان رەختنىڭ كېسىلگەن قىرىنى يۆمەپ تىكمەك:[مىسال:] مەن شىمنى كەستۈرۈپ، تورلاش ماشىنىسىدا تورلاۋاتاتتىم.

تورمۇز

  • تورمۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ئاپتوموبىل ۋە باشقا مېخانىزملارنىڭ ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىش ياكى توختىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قۇرۇلما.

تورمۇزسىز

  • تورمۇزسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تورمۇزى يوق، تورمۇز بېكىتىلمىگەن:[مىسال:] ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىت تورمۇزسىز ئىدى.

تورمۇزلاتماق

  • تورمۇزلاتماق[يەشمىسى:] «تورمۇزلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دۈيجاڭ يىراقتىن شۇجىنىڭ قارىسىنى كۆرۈپلا تراكتورچىغا تراكتورنى تورمۇزلاتتى.

تورمۇزلاشماق

  • تورمۇزلاشماق[يەشمىسى:] «تورمۇزلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بىردىنلا ۋېلىسىپىتلىرىنى تورمۇزلاشتى.

تورمۇزلانماق

  • تورمۇزلانماق[يەشمىسى:] ① «تورمۇزلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ماشىنىنىڭ تورمۇزلىنىپ توختىشى خىيالىمنى ئۈزۈپ قويدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] توختىتىلماق، تىزگىنلەنمەك:[مىسال:] سىناش ئارقىلىق ناچار ئادەت تورمۇزلىنىدۇ ۋە يەنىمۇ ئاجىزلىشىدۇ، ئالىيجاناب ھەرىكەتلىرى كۈچىيىدۇ.

تورمۇزلۇق

  • تورمۇزلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تورمۇزى بار، تورمۇز بېكىتىلگەن:[مىسال:] پۇت تورمۇزلۇق ۋېلىسىپىت.

تورمۇزلىماق

  • تورمۇزلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تورمۇزنى ئىشقا سېلىپ ئاپتوموبىل، ۋېلىسىپىت قاتارلىق مېخانىزملارنىڭ ھەرىكىتىنى ئاستىلاتماق ياكى توختاتماق:[مىسال:] سۇلايمان ۋېلىسىپىتنى ئىتتىك تورمۇزلىدى-دە يەرگە چۈشتى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پسىخولوگىيە<[يەشمىسى:] نېرۋا پائالىيىتىنى تېز ھالدا سۇسلاشتۇرماق، توختاتماق.

تورنىك

  • تورنىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ئۈستى ئىككى بېشىغا توغرا تۆمۈر بېكىتىلگەن بىر خىل تەنتەربىيە ئۈسكۈنىسى. ئۇنىڭ يالاڭ تورنىك ۋە قوش تورنىك دېگەن تۈرلىرىمۇ بار:[مىسال:] تورنىك ئوينىماق.

تورۇس

  • تورۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆي ئىچىنىڭ ئۈستى قىسمى، شىپ:[مىسال:] رابى ۋىت-ۋىت تورۇسقا تىكىلگىنىچە كۆزىنى پارقىرىتىپ، ئۈن-تىنسىز ياتاتتى.

تورۇشەن

  • تورۇشەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياۋا توڭگۇزنىڭ بالىسى.

تورۇق

  • تورۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قارامتۇل قىزىل، قىزغۇچ (ئاتنىڭ رەڭگى ھەققىدە):[مىسال:] سول تەرەپتىكىسى تورۇق ئاتقا مىنگەن ياش يىگىت ئەسنار ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رەڭگى قارامتۇل قىزىل، قىزغۇچ كەلگەن ئات:[مىسال:] تورۇقنى سېتىۋالغاننىڭ ئەتىسى، ئابدۇۋېلى ئۇنى سۇغىرىش ئۈچۈن ئۆستەڭ بويىغا مىنىپ باردى.

تورۇك

  • تورۇك[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئىككى قاتتىق نەرسىدىن بىرىنىڭ يەنە بىرىنىڭ ئۈستىگە تۆكۈلۈشى، تاشلىنىشى ياكى دەسسىلىشىدىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] تاشقىرىقى ئۆيدىن تورۇك قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى.

تورۇك-تورۇك

  • تورۇك-تورۇك[يەشمىسى:] «تورۇك» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] بوۋاي ئالمىسىنى ئىرغىتىۋىدى، تورۇك-تورۇك قىلىپ چۈشكىلى تۇرىدى.

تورۇككىدە

  • تورۇككىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «تورۇك» قىلغان ھالدا، «تورۇك» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ:[مىسال:] ئۇنىڭ قولىدىكى سومكىسى تورۇككىدە يەرگە چۈشتى.

تورۇكلاتماق

  • تورۇكلاتماق[يەشمىسى:] «تورۇكلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەنۋەر داسقا ياڭاقلارنى تورۇكلىتىپ تۆكتى.

تورۇكلاشماق

  • تورۇكلاشماق[يەشمىسى:] «تورۇكلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تورۇكلىماق

  • تورۇكلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «تورۇك-تورۇك» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «تورۇك-تورۇك» قىلماق:[مىسال:] شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ قوينىدىكى ياڭاقلار يەرگە تورۇكلىشىپ چۈشۈپ، بالىلارنىڭ ئاياغلىرىدا دومىلاشقا باشلىدى.

تورۇڭ

  • تورۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئىچى كاۋاك تۆمۈر ۋە قاچا قاتارلىق نەرسىنىڭ يەرگە چۈشۈشى ۋە سىرتىغا ياكى ئىچىگە يەنە بىر قاتتىق نەرسىنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.

تورۇڭ-تورۇڭ

  • تورۇڭ-تورۇڭ[يەشمىسى:] ① «تورۇڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] بالا قوغۇنلۇقتا قولىدىكى كونا چېلەكنى تورۇڭ-تورۇڭ ئۇرۇپ، كۈن بويى قۇشقاچ ئۈركۈتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قوپال، قاتتىق، قۇلاققا مۇشت ئۇرغاندەك، يېقىمسىز:[مىسال:] تورۇڭ-تورۇڭ تەگمەك. * بۇ ئەجەب تورۇڭ-تورۇڭ گەپ قىلىدىغان بىرنېمىكىنا

تۇرۇڭڭىدە

  • تۇرۇڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «تورۇڭ» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ، «تورۇڭ» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئېغىلدىن تورۇڭڭىدە قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى.

تورۇڭلاتماق

  • تورۇڭلاتماق[يەشمىسى:] «تورۇڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تورۇڭلىماق

  • تورۇڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «تورۇڭ-تورۇڭ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] سېۋەتتىكى بىكارلانغان كونسېرۋا قۇتىلىرى تورۇڭلاپ تۆكىلىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىگە قاتتىق گەپ قىلماق، قوپال تەگمەك:[مىسال:] ئانچىكى بىر ئىشقا سەن نېمانچە تورۇڭلايسەن دېدى بارات ئاكا خاپا بولۇپ.

تورۇنقاي

  • تورۇنقاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈچەي مېيى.

تورىت

  • تورىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. خىمىيىۋى تەركىبى . TH(SiO4) كۆپىنچە ئۇششاق دانىچە ھالەتتە ئۇچرايدۇ، رەڭگى قارا، قوڭۇر، سېرىق كېلىدۇ؛ ئەينەك ياكى ماي پارقىراقلىقىغا ۋە كۈچلۈك رادىئوئاكتىپلىققا ئىگە گرانىت جىنس، توغرا شىپات جىنس ۋە پېگماتىت قاتارلىقلار ئارىسىدا ئۇچرايدۇ. ئۇ تورىي تاۋلاشنىڭ مۇھىم خام ئەشياسىدۇر.

تورىي

  • تورىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] رادىئوئاكتىپ مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى . (thorium)Th كۈل رەڭ پاراشوك ھالەتتە بولىدۇ، يالتىراق ۋە يۇمشاق كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن U332 نى ئېلىشقا ھەم ئوتقا چىداملىق ماتېرىيال ۋە ئېلېكتر قۇتۇپى قاتارلىقلارنى ئىشلەشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ تېببىي دورىگەرلىكتىكى رولى رادىيغا ئوخشايدۇ.

توزⅠ

  • توزⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇن تارتقاندا توزىغان ئۇن ئۇچقۇنلىرى:[مىسال:] ئۇ چاغلاردا ئۇننىڭ ئورنىغا توز بىلەن توپا بەرسىمۇ شۈكۈر قىلغانىدۇق.

توزⅡ

  • توزⅡ[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. بېشى ئۈستىدە تاجىسى بولىدۇ، ئەركىكىنىڭ قۇيرۇقى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، كەرگەندە خۇددى يەلپۈگۈچكە ئوخشاپ قالىدۇ؛ مېۋە ۋە دانلىق ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، ھايۋانات باغچىلىرىدا كۆپرەك بېقىلىدۇ، پېيىدىن زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساشقا بولىدۇ.

توزان

  • توزان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن يۇمشاق توپا، چاڭ:[مىسال:] شامال دېرىزە كۆزنەكلىرىدىن قۇم توزانلىرىنى ئۇچۇرۇپ كىرىشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىر، نۇقسان، ئىللەت:[مىسال:] ۋۇجۇدى پاكىز ئىدى روھى ھەم پاك، ئىدى نەپسى ئەينىكى توزاندىن ساق.

توزغاق

  • توزغاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېكەن ۋە قومۇشقا ئوخشاش ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەڭ ئۇچىدىكى پۆپۈكى. ئۇ پەي، تۈككە ئوخشاش توزۇيدۇ.

توزغاقلىق

  • توزغاقلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توزغاق كۆپ چېچىلغان، توزغاق بار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توزغاق كۆپ چېچىلغان يەر.

توزۇتماق

  • توزۇتماق[يەشمىسى:] «توزۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] توپا توزۇتماق.

توزۇشماق

  • توزۇشماق[يەشمىسى:] «توزۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سۇسىرىغان گۈللەرنىڭ يوپۇرماقلىرى سولاشتى، گۈللىرى توزۇشتى.

توزۇماق

  • توزۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① توزاندەك ھەر يانغا چېچىلماق، ئۇچماق، تۆكۈلۈپ چۈشمەك:[مىسال:] توزۇپ چۈشكەن چاچ قىرقىندىلىرى ئالدىمدىكى ئاق كىرلىكنى ئالىچىپار قىلىۋەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەر تەرەپكە تاراپ كەتمەك، چېچىلىپ كەتمەك:[مىسال:] ئانا مېنىڭ ئۆيۈمدىكىلەر ھەر تەرەپكە توزۇپ كەتتى. پاناھلىنىدىغان يېرىم يوق، مېنى بالا قىلىۋېلىڭ[يەشمىسى:] ③ تىتىلىپ، ئۇۋىلىپ كەتمەك:[مىسال:] چىرىپ، كۆكىرىپ كەتكەن بۇ پۇللارنىڭ چۆرىسىنى پۈتۈنلەي چاشقان قىرقىۋەتكەن بولۇپ، تۇتقان يەر توزۇپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ④ ۋەيران بولماق، يوقالماق:[مىسال:] بىلىملىك كىشى ئۇزار، بىلىمسىز كىشى توزار (ماقال).

توزۇندى

  • توزۇندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم بىرنەرسىنىڭ پارچىلىنىپ چىرىگەن، توزىغان، چېچىلغان قالدۇقلىرى:[مىسال:] ئادىلنىڭ قوناق پۆپۈكىنىڭ توزۇندىلىرى يۇقۇشۇپ كەتكەن چاچلىرى پاخپىيىپ تۇراتتى.

توس

  • توس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] توخۇ، ئۆردەك قاتارلىقلارنىڭ داننى قاتتىق چوقۇپ ئېلىشىدىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] توخۇ كورىدىكى قوناقنى «توس» قىلىپ چوقۇشىغا، بالا يەنە بىر تاش ئاتتى.

توساتتىن

  • توساتتىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① كۈتۈلمىگەندە، تۇيۇقسىز، ئۇشتۇمتۇت:[مىسال:] توساتتىنلا بىر پاي ئوق ئېتىلدى. * توساتتىن ئىشىك ئېچىلىپ، چېھرىگۈل كىرىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ② ئىختىيارسىز، بىردىنلا:[مىسال:] مەنە يەنە نېمىلەرنىدۇر ئېيتماقچى ئىدىم، لېكىن توساتتىن جىم بولۇپ قالدىم.[يەشمىسى:] ③ ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق، سەۋەبسىز:[مىسال:] ئۇلارنىڭ شۇنچە جېدەل قىلىپ، يەنە توساتتىنلا ئەپ بولۇپ قالغانلىرىنى ئاسان بىلگىلى بولمايتتى.

توسالغۇ

  • توسالغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىككى ئارىلىقنى توسۇپ تۇرغۇچى نەرسە:[مىسال:] ئېلېكتروماگنىت دولقۇنى ئېگىز بىنا قاتارلىق توسالغۇلارغا ئۇرۇلغاندا، كەينىگە قايتىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەخلى-تەرۇز، پۇتلىكاشاڭ، توسقۇنلۇق:[مىسال:] پاتقاق گازىغا ئىشلىتىلىدىغان ماتور مەسىلىسى بۇ تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى بىر توسالغۇ ئىدى.

توسالغۇسىز

  • توسالغۇسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توسالغۇسى يوق، توسقۇنسىز؛ بىمالال:[مىسال:] توسالغۇسىز ئېقىن. ∥ ئۇلار ھېچ توسالغۇسىز شەھەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.

توسالغۇلۇق

  • توسالغۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توسالغۇ بولىدىغان، توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان نەرسە، مەسىلە، ئىش، ھالەت قاتارلىقلار.

توس-توس

  • توس-توس[يەشمىسى:] «توس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

توستۇرماقⅠ

  • توستۇرماقⅠ[يەشمىسى:] «توسماقⅠ»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەبەي قىش بويى چۆلدىن توشۇغان قومۇش بىلەن بالىلىرىغا باغنىڭ ئەتراپىنى توستۇردى.

توستۇرماقⅡ

  • توستۇرماقⅡ[يەشمىسى:] «توسماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئانا بوۋاقنى چوڭ قىزىغا بېرىپ، توستۇردى.

توسقۇن

  • توسقۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەخلى، پۇتلىكاشاڭ، قارشىلىق:[مىسال:] بۇ قاراڭغۇلۇق، بۇ تار گەمە ئۇلارنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرىنىڭ يېنىشىغا توسقۇن بولالمىدى.

توسقۇنسىز

  • توسقۇنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توسقۇنى، پۇتلىكاشىڭى، قارشىلىقى بولمىغان؛ راۋان، قارشىلىقسىز:[مىسال:] توسقۇنسىز ھەرىكەت. ∥بىزنىڭ قوشۇنىمىز ئالغا قاراپ توسقۇنسىز ئىلگىرىلىۋەردى.

توسقۇنلۇق

  • توسقۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا دەخلى، پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان نەرسە ياكى شۇنداق ئىش، ھادىسە.

توسقۇنلۇقسىز

  • توسقۇنلۇقسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] توسقۇنلۇقى بولمىغان ھالدا، توسقۇنلۇققا ئۇچرىماي:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ ئۇ بالا ھېچبىر توسقۇنلۇقسىز يېرىم كېچىدە شەھەرگە كىرىپتۇ.

توسما

  • توسما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى ئارىلىقنى توسۇپ، ئايرىپ تۇرىدىغان مەلۇم نەرسە:[مىسال:] راخماننىڭ ئەترىتى ساتما ئالدىدا ئۇچرىغانلىكى نەرسىلەرنى دۆۋىلەپ، توسما ھاسىل قىلىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىككى ئارىلىقنى توسۇپ تۇرىدىغان، ئايرىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] توسما تام. توسما قىر.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەريالاردىكى سۇنىڭ ئېقىمىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن قوپۇرۇلغان قاش ياكى مەلۇم جىلغا، ئېقىنلارنى توسۇپ قۇرۇلغان سۇ ئامبارلىرىنىڭ توسۇلغان قېشى:[مىسال:] مەيدان ئۆتكەن يىل 8-ئايدا بىر توسما ياسىدى.

توسماقⅠ

  • توسماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① توسۇق، قاشا ياكى توسما قاتارلىق بىرەر نەرسە بىلەن تورىماق، قورشىماق ياكى ئىككىگە ئاجراتماق:[مىسال:] ئۆينى توسماق. * ئۆستەڭ بويلىرىدا بورىلار بىلەن توسۇپ ياسالغان قاتار-قاتار ۋاقىتلىق ئاشخانىلار، چايخانىلار، ناۋايخانىلار بار ئىدى.[يەشمىسى:] ② دالدا قىلماق:[مىسال:] بۇلۇتنىڭ قۇياش نۇرىنى ئانچە-مۇنچە توسۇۋالىدىغان ھادىسىسى بولۇپ تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىشنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى چەكلىمەك، توختاتماق؛ قايتۇرماق:[مىسال:] غۇنچەم: قىزىق گەپ قىلىسىز نۇرۇم، باغۋەننى گۈل ئۈزۈشتىن، مېۋە يېيىشتىن كىم توسۇپ قويىدۇ دېدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەنئىي قىلماق، چەكلىمەك:[مىسال:] چېرىك قوشۇنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن چېرىك ئېلىش كېرەك، دېدى ئىلىك ھاجىپ، لېكىن نامراتلاردىن ئېلىش، بايلاردىن ئالماسلىقنى توسۇش كېرەك.[يەشمىسى:] ⑤ توسقۇنلۇق شەكىللەندۈرۈپ، مېڭىش يولىنى ئەتمەك، توسالغۇ بولماق:[مىسال:] ئەنۋەر ئىتتىك بېرىپ، نىجاتنىڭ ئالدىنى توستى. * دۈشمەنلەر تاش كۆۋرۈكنى توسۇۋالسا، ئۇلار قانداق قايتىپ چىقىدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ توسما ياكى توسۇق بىلەن يۆنىلىشنى ئۆزگەرتمەك، باشقا يۆنىلىشكە باشلىماق:[مىسال:] ئۆرۈك قىزىلكوس، بۇغدايغا سۇنى توس (ماقال).

توسماقⅡ

  • توسماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بوۋاق ۋە كىچىك بالىلارنى ھاجەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئەپلىك قىلىپ تۇتۇپ تۇرماق:[مىسال:] بالىنى توسماق.

توسمىلىق

  • توسمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توسمىسى بار، توسما بىلەن توسۇلغان:[مىسال:] تاختاي توسمىلىق سەھنە.

توسۇشماق

  • توسۇشماق[يەشمىسى:] «توسماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سولدۇرۇش كويىدا ۋاپا گۈلىنى، بەزىلەر توسۇشتى قىزنىڭ يولىنى.

توسۇق

  • توسۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئارىلىقنى توسۇش، ئاجرىتىش ۋە ئىھاتە قىلىش ئۈچۈن سېلىنغان قۇرۇلما، تام، قاشا:[مىسال:] ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش بەش-ئالتە ياش بىلەن سۇ يار ئېلىپ كەتكەن يەرگە قويۇلغان توسۇقنى مۈرىلىرى بىلەن يۆلەپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② مېڭىش، كىرىش-چىقىشنى مەنئى قىلىش ئۈچۈن، ئىشىك-دەرۋازىلارغا قويۇلغان توسما ياكى توغرا ياغاچ؛ مۇشۇنداق جايلاردىكى قاراۋۇللۇق:[مىسال:] ئۇ ساتما ئالدىدىكى توسۇقتىن سەكرەپ چىقتى-دە، بوۋاينىڭ ئالدىغا ئۇچقاندەك يۈگۈردى.[يەشمىسى:] ③ توي كۆچۈرگەن قىز-يىگىتلەردىن بىرەرىنىڭ ئۇسسۇل ئويناپ بېرىشى ياكى بېرىلىدىغان تارتۇق قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىپ تۇتۇلغان ئارغامچا ياكى باشقا نەرسىلەر:[مىسال:] ئىككى جايدا قىز-يىگىتلەر توسۇق توستى. گۈللەيلى ئۇلارغا تەڭگە چاچتى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] توسقۇنلۇق، قىيىنچىلىق؛ قارشىلىق:[مىسال:] قاتمۇقات توسۇق ۋە داۋاندىن ئۆتتۈڭ، ئىزلىگەن پەرھاتتەك ئۆز دىلدارىنى.

توسۇقلۇق

  • توسۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توسۇپ، ئاجرىتىپ قويۇلغان؛ توسۇلغان:[مىسال:] ئۇلار «لاگېر» گازارمىسىغا كەلگەندە، چوڭ يول ئالا ياغاچلار بىلەن توسۇقلۇق ئىدى.

توسۇلماقⅠ

  • توسۇلماقⅠ[يەشمىسى:] «توسماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بېلەت سېتىش تۆشۈكى بىردەمدىلا تىقىلىشىۋالغان ئادەملەر بىلەن توسۇلدى.

توسۇلماقⅡ

  • توسۇلماقⅡ[يەشمىسى:] «توسماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بالا ئىككى قېتىم توسۇلدى.

توسۇن

  • توسۇن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆندۈرۈلمىگەن، شاش:[مىسال:] بىر كۈنى سېلىم بەگنىڭ ھويلىسىغا كىرسەم، بىر توسۇن ئات ھويلىسىدا قېچىپ يۈرۈپتۇ.

توشتۇرماق

  • توشتۇرماق[يەشمىسى:] ① «توشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ساقى ساندۇقنى يېرىمىغىچە ئالتۇنغا توشتۇرۇپ، باقىغا قاراپ: يېرىم ساندۇق بولسا بولارمۇ دەپ سوراپتۇ. توشتۇر، توشتۇر، لىق توشتۇر دەپتۇ باقى.[يەشمىسى:] ② جەدۋەل ۋە قۇرنىڭ بوش ئورۇنلىرىغا تېگىشلىك سان ۋە مەلۇماتلارنى يازماق، تولدۇرماق:[مىسال:] جەدۋەل توشتۇرماق.

توشتۇرۇشماق

  • توشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «توشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگىنى دەريا بويىغا بېرىپ، ئاخشىمى سېۋەتلەرنى توشتۇرۇشۇپ قايتىدىكەن.

توشتۇرۇلماق

  • توشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «توشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئىشخانا سافا بىلەن توشتۇرۇلغانىدى.

توشقان

  • توشقان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. بېشى چاشقاننىڭ بېشىغا ئوخشايدۇ، قۇلىقى يوغان، يۇقىرىقى كالپۇكى يېرىق كېلىدۇ، ئائىلە توشقىنى، ياۋا توشقان دەپ بىرنەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ. گۆشىنى يېگىلى، يۇڭىدىن پوپايكا توقۇغىلى، تېرىسىنى كىيىم تىكىشكە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] مۈچەل يىل ھېسابىدا تۆتىنچى يىلنىڭ نامى:[مىسال:] قاسىمنىڭ مۈچىلى توشقان ئىكەن.

توشقانزەدىكى

  • توشقانزەدىكى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]توشقان+زەدەك+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] شۇمبۇيا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى ئەتلىك، سېمىز، تۈۋرۈكسىمان، قارامتۇل سېرىق بولىدۇ؛ پۈتۈن تېنى دورا قىلىنىدۇ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، تەرەت ماڭغۇزۇش رولىغا ئىگە.

توشقانقومۇشى

  • توشقانقومۇشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]توشقان+قومۇش+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، پاكار ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئېللىپس ياكى تۇخۇم شەكلىدە بولۇپ، گىرۋىكىدە چىشلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ؛ پۈتۈن تېنى دورا قىلىنىدۇ؛ قىزىتمىنى قايتۇرۇش، زەھەرنى كېسىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق روللارغا ئىگە.

توشقانقۇلاق

  • توشقانقۇلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]توشقان+قۇلاق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غوزا مېۋىسى كىچىك بولىدۇ، ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن تېنى دورا بولىدۇ؛ بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

توشقانقۇيرۇق

  • توشقانقۇيرۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]توشقان+قۇيرۇق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇ نەم جايلاردا ئۆسىدۇ. ئۇ ناھايىتى يۇمشاق بولۇپ، ئۇلاغلار ئۈچۈن ياخشى يەم-خەشەك ھېسابلىنىدۇ.

توشقانكالپۇك

  • توشقانكالپۇك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]توشقان+كالپۇك[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. كىچىك ۋە قاتتىق مېۋىسى ئۈچ بۇرجەك بولىدۇ؛ ئۆسۈملۈك تېنىنىڭ يەر ئۈستى قىسمى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ؛ ياللۇغنى ياندۇرۇش، قاننى توختىتىش، تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە.

توشقانئوت

  • توشقانئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]توشقان+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئازغان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى ۋە يىلتىزسىمان غولى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئىسسىقنى ياندۇرۇش، قان توختىتىش روللىرىغا ئىگە.

توشماق

  • توشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① لىق قىلىپ قاچىلانماق، تولماق:[مىسال:] ئۇنىڭ پۇلى يېتەرلىك ئىدى، شۇڭا بىر پەستىلا ئىككى سومكا لىققىدە توشتى.[يەشمىسى:] ② بوش ئورۇن قالماي ئىگىلەنمەك، ھەممە يېرى قاپلانماق، بىر كەلمەك:[مىسال:] ئۆي تۈتۈنگە توشۇپ كېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ③ ئۆسۈپ، چوڭىيىپ مەلۇم ياشقا يەتمەك:[مىسال:] بۇلتۇر 1-ئايدا 17 گە توشتۇم.[يەشمىسى:] ④ بەلگىلەنگەن ياكى مۆلچەرلەنگەن چەككە يەتمەك:[مىسال:] پەرھاتنىڭ ئارا تاغ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقانلىقىغا بىر يىل توشتى.

توشۇتماق

  • توشۇتماق[يەشمىسى:] «توشۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئىككى ئانا بىزگە كايىپ چارچىغاندىن كېيىن، بۇلاقتىن سۇ توشۇتماقچى بولدى.

توشۇشماق

  • توشۇشماق[يەشمىسى:] «توشۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار تەييارلىغان سۈپەتلىك ئوغۇتلىرىنى ھەر موغا 40 تاغاردىن مۆلچەرلەپ توشۇشتى.

توشۇق

  • توشۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توشقان، توشقۇزۇلغان؛ تولۇق:[مىسال:] زال كىشىلەر بىلەن توشۇق ئىدى.

توشۇڭⅠ

  • توشۇڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] چىگە، يۇڭ، پاختا قاتارلىقلاردىن ئېشىلگەن يوغان ئارغامچا.

توشۇڭⅡ

  • توشۇڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاشلاق.

توشۇڭلۇق

  • توشۇڭلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① توشۇڭى بار، توشۇڭ بېكىتىلگەن:[مىسال:] بىزنىڭ ھارۋا-ئۇلاغلىرىمىز بولدى. ئوتۇن، پىچانغا بارساق توشۇڭلۇق، ئارغامچىلىقمۇ بولۇپ قالدۇق.[يەشمىسى:] ② توشۇڭ تورلاشقا بولىدىغان، توشۇڭغا باب:[مىسال:] مەن بىر توشۇڭلۇق چىگە سېتىۋالدىم.

توشۇلماق

  • توشۇلماق[يەشمىسى:] «توشۇماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] گايىتنىڭ قوغۇنى ھەتتا سىڭگىم ئېغىىل قۇم ئۈستىدىن كېسىپ ئۆتكەن تاشيولدا، ئىچكى ئۆلكىلەرگىچە توشۇلاتتى.

توشۇماق

  • توشۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا يۆتكىمەك:[مىسال:] تاش توشۇماق. سۇ توشۇماق.[يەشمىسى:] ② ئاپارماق، يەتكۈزمەك:[مىسال:] گەپ توشۇيدۇ ئارىدا دۈشمەن بولۇپ، تولا گەپتىن كەتتى ئىچىم دەردكە تولۇپ.

توشىماق

  • توشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يەتمەك، بەرداشلىق بەرمەك، چىدىماق.

توغ

  • توغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يوپۇرماقتىكى توپا-چاڭ، توزان.

توغاچ

  • توغاچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] شاپتۇلنىڭ بىر تۈرى. مېۋىسىنىڭ پوستى قىزىل، تۈكسىز، مېۋىسى سۇلۇق؛ كېيىن پىشىدۇ.

توغرا

  • توغرا[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم يۆنىلىشكە قارىمۇقارشى، ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئورۇنلاشقان، ئالدىنى توسۇپ تۇرىدىغان:[مىسال:] توغرا قىر. توغرا تام.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر نىشانغا قاراپ، ئۇدۇل:[مىسال:] بىرنەچچە ئون ئاتلىق نەۋكەرلەر ھەممىنىڭ ئالدىدا كىرىپ كەتتى، سادىر ئارقىدىن ئېتىنى قامچىلاپ، توغرا تاشقى سېپىلنىڭ ئىچىگە كىردى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەڭلىك، ئەن:[مىسال:] بۇ ئېتىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى 66 مېتىر، توغرىسى 11 مېتىر بولۇپ، دەل بىر مو كېلەتتى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئارتۇق ياكى كېمى يوق، دەلمۇدەل:[مىسال:] سىلى ئاغرىغاندىن باشلاپ، بۇ يىل توغرا يەتتە يىل بولدى، دەپتۇ تۇردىقارى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خاتاسى يوق، ناتوغرا ئەمەس؛ ھەقىقىي، راست:[مىسال:] ئەگەر توغرا جاۋاب بېرەلمىسەڭ، تىللانى شاھىمىزنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىشىڭ كېرەك. * ھاشىم: بىر ھېسابتا كادىرلارنىڭ دېگەن سۆزلىرى توغرىكەن جۇمۇ، ئۆزى، دېدى.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇۋاپىق، ئورۇنلۇق، يولىدا، لايىقىدا:[مىسال:] ئىجادىيەتكە ئاپتورلارمۇ توغرا مۇئامىلە قىلىشى، تەھرىرلەرمۇ توغرا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇۋلۇق، ئالدامچىلىقنى بىلمەيدىغان، پاك، دىيانەتلىك:[مىسال:] سىزدەك توغرا، ئاق كۆڭۈل ئادەمنىڭ بىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىڭىزغا، ئىشىنىمەن. ∥ بىر توپ كىشى تۇتماق بولۇپ ئوغرىنى، داۋراڭ سېلىپ چىقتى چېلىپ ناغرىنى. «ئوغرى قاچتى» دېگىنىچە ۋارقىراپ، كېلىپ مەھكەم تۇتتى ئوغرى-توغرىنى.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] «دۇرۇس، دەرھەقىقەت» دېگەن مەنىدە قىستۇرما سۆز رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] توغرا، مەن بىر قېتىملا ئەمەس، بىرنەچچە قېتىم بۇ ھەقتە ئۆز ئىرادەمنى بىلدۈرگەنىدىم.[يەشمىسى:] ⑨ [سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] شەخس بىلەن تۈرلەنگەن شەكلىگە ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ كېلىپ «ھەققىدە، ئۈستىدە» دېگەن مەنىدە تىركەلمە رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] كىمدۇر بىرى خاسىيەتكە چاقچاق قىلىپ، مېنىڭ توغرامدا بەزى گەپلەرنى قىلىپ، سىناپ باققان ئوخشايدۇ.

توغرا كېسەر

  • توغرا كېسەر[يەشمىسى:] ① ياغاچنى توغرىسىغا توغرايدىغان (ھەرە ھەققىدە).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] توغرا قىلىپ ئايرىيدىغان، كەم-زىيادە قىلمايدىغان، ھەققانىي:[مىسال:] ھاشىمئاخۇن ھەق-ناھەق ئۈستىدە تىك تۇرىدىغان، توغرا كېسەر، ۋىجدانلىق ئادەم ئىدى.

توغراتماق

  • توغراتماق[يەشمىسى:] «توغرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كۆكتات توغراتماق.

توغرا-خاتا

  • توغرا-خاتا[يەشمىسى:] توغرا ياكى خاتا:[مىسال:] ئىشنىڭ توغرا-خاتاسىنى ئايرىماي سۆزلەۋېرىشمۇ يەنە توغرا ئەمەس.

توغراشماق

  • توغراشماق[يەشمىسى:] «توغرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئۆيدە سەۋزە توغرىشىۋاتاتتى.

توغراق

  • توغراق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تال ۋە تېرەكلەر ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ياغىچى قۇرۇلۇش، ئۆي جاھازىلىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ، تارىم ۋادىسىغا كەڭ تارقالغان.[يەشمىسى:] ② غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق بىر يېزىنىڭ نامى.

توغراقلىقⅠ

  • توغراقلىقⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توغراق كۆپ ئۆسكەن، توغراق بىلەن قاپلانغان:[مىسال:] دەل شۇ پەيتتە توغراقلىق ئورمان ئىچىدىن ئالماس باشلىغان ئاتلىق يىگىتلەر ئېتىلىپ چىقتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] توغراق كۆپ ئۆسكەن، توغراق بىلەن قاپلانغان جاي:[مىسال:] ئۇ توغراقلىق ئىچىگە ئىچكىرىلەپ كىردى.[يەشمىسى:] ③ چەرچەن ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

توغراقلىقⅡ

  • توغراقلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توغراپ قويۇلغان، توغرالغان:[مىسال:] ئىشكاپتا بىر لېگەن توغراقلىق نان تۇراتتى.

توغرالماق

  • توغرالماق[يەشمىسى:] «توغرىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] پەقەت مۇشۇ ئاتخانىدىلا بېدىلەر ئۈگرىدەك ئۇششاق توغرىلىدۇ.

توغرام

  • توغرام[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توغرالغان، كېسىلگەن نەرسىنىڭ ھەر بىر بۆلىكى:[مىسال:] ئۇنىڭ توغرىمى خېلى چوڭ بوپتۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ، توغرالغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر توغرام نان.

توغرۇلۇق

  • توغرۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] ھەقتە، توغرىسىدا:[مىسال:] ئابلىز ئۇلار بىلەن ئۇرۇق-تۇغقاندەك قىزغىن كۆرۈشتى، ئەترەتنىڭ ئەھۋاللىرى توغرۇلۇق پاراڭلاشتى.

توغرىدا

  • توغرىدا[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] ھەقتە، توغرۇلۇق:[مىسال:] بۇ توغرىدا بىرەر ئىش قىلايلى دېسەك، ئۆزىڭىز بىلىسىز، يۇرتىمىز كىچىك، پىتنىسى يامان يەر.

توغرىدىن-توغرا

  • توغرىدىن-توغرا[يەشمىسى:] ① توپمۇتوغرا، بىۋاسىتە:[مىسال:] كۆۋرۈك كۆيۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، دەريانىڭ بۇ يېقى بىلەن توغرىدىن-توغرا ئالاقە قىلغىلى بولمايتتى.[يەشمىسى:] ② ئەگىتمەي، قاچۇرماي؛ ئۇدۇل، تۈزلا:[مىسال:] ئادەم ھەر قاچان ۋە ھەرقانداق جايدا تەبىئەتكە، ھاياتقا ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن، توغرىدىن-توغرا، ياخشى نىيەت بىلەن قارىسا، ئۇنىڭ كۆڭلى چەكسىز ئارام تاپىدۇ.

توغرىسى

  • توغرىسى[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] «سۆزنىڭ راستى، گەپنىڭ ئوچۇقى» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ:[مىسال:] بۇغدايلار ئاپتاپ كىشىنىڭ تېنىنى تونۇردەك قىزىتىدىغان مەزگىلدە پىشىپ قالدى، پىشىپ قالدىلا ئەمەس، توغرىسى، ئورىدىغان ۋاقىتتىن بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى.

توغرىسىدا

  • توغرىسىدا[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قارشىسىدا، ئۇدۇلىدا:[مىسال:] ئالاھىدىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، سۇلتان ئوردىسىنىڭ توغرىسىدا — ئىلگىرىكى ئورنىدا جايلىشىپتۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] ھەققىدە، ئۈستىدە:[مىسال:] ئەنۋەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەملەر بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ كېۋىر توغرىسىدا يازغان ماقالىسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن كېتىپ باراتتى.

توغرىسىدىن

  • توغرىسىدىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① ئېنىدىن، ئۇدۇل تەرىپىدىن:[مىسال:] ئۇنىڭ زەيكەش ئۆستەڭ دېگىنى مۇشۇ يەردىن ئۈچ-تۆت چاقىرىم يىراقلىقتا بولۇپ، قومۇشلۇقنى توغرىسىدىن كېسىپ ئۆتەتتى.[يەشمىسى:] ② سەۋەبىدىن، ۋەجىدىن، توغرۇلۇق:[مىسال:] ئۇنىڭ بىلەن مەن مانا مۇشۇ بىر ئېغىز گەپ توغرىسىدىن سەتلىشىپ قالدىم.

توغرىسىغا

  • توغرىسىغا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① ئېنى، توغرا تەرىپىنى بويلاپ:[مىسال:] شۇ ئەسنادا، ئانچە يىراق بولمىغان جايدا يولنى توغرىسىغا كېسىپ ئېقىۋاتقان سۇ كۆرۈندى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم بىر نىشاننى ئۇدۇللاپ، ئۇدۇلىسىغا:[مىسال:] ئۇ يەنە توغرىسىغا، تاغ ئۈستىگە ئاتنى چاپتۇرۇپ چىقتى.[يەشمىسى:] ③ كۆندىلەڭ ھالدا:[مىسال:] ئالدىنقىسى بولسا خادىنى توغرىسىغا تۇتقىنىچە ناخشا ئېيتماقتا ئىدى.

توغرىغا

  • توغرىغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خېمىرنى كۆپتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان شاخار، ئۇ توغراقتىن ئېلىنىدۇ.

توغرىلاتماق

  • توغرىلاتماق[يەشمىسى:] «توغرىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئىشخانا مۇدىرى كاتىپقا قاراپ: ئىدارە باشلىقىمىز يىغىن ئېچىۋاتقان مېھمانخانىغا تېلېفوننى توغرىلىتىپ قويۇڭ، دېدى.

توغرىلاشماق

  • توغرىلاشماق[يەشمىسى:] «توغرىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھەربىي مەشىق ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قوراللىرىنى قارىغا توغرىلاشتى.

توغرىلانماق

  • توغرىلانماق[يەشمىسى:] ① «توغرىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىشىك ئاغىسىنىڭ بۇ تەنتەنىلىك ئاۋازى ساراينى جاراڭلىتىۋەتتى، ئادەملەر ئىشىك ياققا توغرىلاندى.[يەشمىسى:] ② «توغرىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] چوڭقۇر ئىدىيىۋى-سىياسىي خىزمەت ئارقىلىق كادىرلارنىڭ ئىدىيىسى توغرىلاندى.

توغرىلىق

  • توغرىلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توغرا ھالەت:[مىسال:] پۇتۇڭنىڭ توغرىلىقىغا قارىما، يولۇڭنىڭ توغرىلىقىغا قارا (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توغرىسىغا چوڭايغان؛ گەۋدىلىك:[مىسال:] شۇ ئەسنادا باغ تەرەپتىن ئېگىز بويلۇق، بۇغداي ئۆڭلۈك، توغرىلىق بىر ئايال چىقىپ كەلدى.

توغرىلىماق

  • توغرىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تۈز، تەكشى ھالەتكە كەلتۈرمەك؛ ئۇدۇللىماق؛ رۇسلىماق، تۈزلىمەك:[مىسال:] قىرنى توغرىلىماق. تاناپنى توغرىلىماق.[يەشمىسى:] ② مەلۇم بىر نۇقتا، نىشانغا ئۇدۇللىماق، قاراتماق، روبىرو قىلماق:[مىسال:] ئۇ ئۇستىرىنى ئوڭ ياڭىقىغا توغرىلىدى.[يەشمىسى:] ③ يېنىدا، ئالدىدا تەخ قىلماق؛ يۈز كۆرۈشتۈرمەك:[مىسال:] ئەمدىلىكتە تۇرمۇش مېنى ئۇنىڭ ئالدىغا توغرىلاپ، ھېلىقى قەرزلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشكە قىستىماقتا.[يەشمىسى:] ④ خاتا ۋە نۇقساندىن خالىي قىلماق؛ تۈزەتمەك:[مىسال:] دۈشمەن سىرىڭنى ئوغرىلايدۇ، دوست خاتايىڭنى توغرىلايدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ ئېپىنى، ئىلاجىنى قىلىپ ۋۇجۇدقا چىقارماق، ھەل قىلماق:[مىسال:] مەن دېگەندەكلا بولۇپ قالسا، ھەممە ئىشنى ئۆزۈم توغرىلايمەن، ئېلىپ قاچىدىغان يىگىتنى ئۆزۈم تېپىپ بېرىمەن.[يەشمىسى:] ⑥ بىراۋغا مەنسۇپ قىلماق، ھېسابىغا ئۆتكۈزمەك، تەۋە قىلماق:[مىسال:] ئۇ: ھە رەھىمجان ھېلىقى مۇتتەھەم خوتۇننى كېيىن بىر تەرەپ قىلارمىز، شۇنىڭغا دېگەن ساننى بۇ قىزغا توغرىلىۋېتىڭا، دېدى-دە، ئۆزى تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قولىغا ئالدى.[يەشمىسى:] ⑦ بەلگىلىك بىرەر ۋاقىتقا ئۇدۇللىماق، توغرا كەلتۈرمەك:[مىسال:] بىركۈنى بىردەم ئولتۇرۇپ خەيرلىشىپ كېلىش ئۈچۈن، ئىشتىن چۈشكەن ۋاقىتقا توغرىلاپ ئاسىم ئاكىنىڭ ئۆيىگە باردىم.[يەشمىسى:] ⑧ ئارتۇق ياكى كېمى يوق، دەلمۇدەل قىلماق:[مىسال:] پۇلنى ھېلىقى 6200 يۈەنلىك چەكنىڭ ئۈستىگە قوشۇپ، ئون مىڭ يۈەنگە توغرىلاپ قويايمۇ دېدى ئوغلى دادىسىغا پىچىرلاپ.[يەشمىسى:] ⑨ ماس، مۇناسىپ، مۇۋاپىق قىلماق، ئۇدۇللىماق:[مىسال:] شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قىسمەت ئەنۋەر ئۈچۈن ئالدىنقىسىدىنمۇ قىزىقراق، تاسادىپىي بىر ۋەقەنى توغرىلىدى.

توغرىماق

  • توغرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كېسىپ، ھەرىلەپ، پارچە-پارچە قىلماق، ئۇششاقلىماق:[مىسال:] گۆش توغرىماق. * قىسمەت چورۇق ئالدىغا بىر توقاچ نان قويۇپ، پىچاق ئېلىپ، ئاۋۋال گۆشىنى، كېيىن بېھىنى گۈلىدەك، چىلاندەك قىلىپ توغرىدى.

توغلىماق

  • توغلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈك ۋە مېۋىلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى توغ، توزان بىلەن قاپلانماق، توغلاشماق.

توغۇنا

  • توغۇنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېگىدىنلا گادا-گادا چىقىدىغان ئۇچىدا ئۈچ قىرلىق ساڭگىلاپ تۇرىدىغان ئۇرۇقى بار چاتقال تىپىدىكى بىر خىل تاغ ئۆسۈملۈكى.

توق

  • توق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئاش-تاماققا تويغان، ئاچ ئەمەس:[مىسال:] كۆزى توقنىڭ ئۆزى توق (ماقال). * غوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق (ماقال).[يەشمىسى:] ② يېتەرلىك، تولۇق:[مىسال:] ھەر قاچان ئىككى-ئۈچ ئات ياكى ئۆكۈزۈڭ ھازىر تۇرسۇن. يەم-خەشەك، بوغۇزلىرىنى مول، توق بېرىپ باققىن.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پاراۋان، باياشات:[مىسال:] جاپا تارتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بەخت-سائادەتلىك، توق ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشقا يېتىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خاتىرجەم، غەمسىز؛ پۈتۈن:[مىسال:] ئانام ھايات ۋاقتىدا كۆڭلۈم توق، يۈرىكىم پۈتۈن ئىدى.[يەشمىسى:] ⑤ مېغىزى، دان ئېلىشى يېتەرلىك، تولۇق، ئالا ئەمەس:[مىسال:] يىلتىزى چىرىشكە باشلىغان بۇغدايلار كۆپىنچە توق دان ئالالمايدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ قېنىق، قويۇق (رەڭ، تۈس ھەققىدە):[مىسال:] شۇنچە توق، شۇنچە رەڭگارەڭ ئېچىلغان تاغ گۈللىرىنى كۈز ئېيىنىڭ ئۈششۈكى سولاشتۇرغانىدى.

توقاⅠ

  • توقاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەمەر، تۆشۋاغ ۋە ئاياغ كىيىم تاسمىلىرىنىڭ بىر ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ، زۆرۈر تېپىلغان يەردە توختىتىدىغان، تىللىق، يۇمىلاق ياكى تۆت بۇرجەك ھالقا؛ جىرىم:[مىسال:] بەتىنكىنىڭ توقىسى. كەمەرنىڭ توقىسى.

توقاⅡ

  • توقاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىڭ، تارازا قاتارلىقلارنىڭ ياغىچىنىڭ تايىنىش نۇقتىسىدىن كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن يىپ ياكى تاسما.

توقاچ

  • توقاچ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بولدۇرۇلغان خېمىردىن گىردە چوڭلۇقىدا قىلىپ، چەككۈچ چېكىپ پىشۇرۇلغان بىر خىل مايلىق نان:[مىسال:] چوڭ توقاچ پىشقىچە كىچىك توقاچ كۆيۈپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىچىك توقاچ شەكلىدە ياكى تۆت بۈرجەك شەكلىدە قىلىنغان:[مىسال:] توقاچ سوپۇن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن قوشۇلۇپ كېلىپ، توقاچ شەكلىدىكى نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر توقاچ سوپۇن.

توقالⅠ

  • توقالⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۈڭگۈزسىز:[مىسال:] توقال كالا.

توقالⅡ

  • توقالⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خوتۇنى ئۈستىگە ئالغان كىچىك خوتۇن:[مىسال:] دەرغەزەپ بولغان پادىشاھ توقالنى ئۆلتۈرمەكچى بوپتۇ.

توقاللىق

  • توقاللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك خوتۇنلۇق:[مىسال:] بىر يىلى مۇشۇ ھېيتەكنىڭ ئاكىسى يىراق بىر يۇرتتىن بىر نامراتنىڭ قىزىنى توقاللىققا ئەكەلدى.

توقايⅠ

  • توقايⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قويۇق ئۆسكەن ئورمان ۋە چاتقال.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «بىر» سۆزى بىلەن بىرىكىپ، «بىر توپ، بىرمۇنچە، بىر تالاي؛ نۇرغۇن، تولا» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر توقاي ئادەم. * ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا بىر توقاي بالىلار ئولاشقانىدى.[يەشمىسى:] ③ ئاقسۇ شەھىرىگە قاراشلىق بىر يېزىنىڭ نامى.

توقايⅡ

  • توقايⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەگرى-بۈگرى، دوناي، تۈز ئەمەس:[مىسال:] تاغىسىنىڭ ئوڭ قولىنىڭ بېغىشى توقاي ئىدى.

توقايلىق

  • توقايلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇتىشىپ كەتكەن قويۇق ئورمان، چاتقاللىقلار:[مىسال:] بۇ سورۇن توقايلىقنىڭ يېنىدىكى كەڭ چىمەنلىكتە تۈزۈلگەن بولۇپ، ئوتتۇرىغا گۈلخان يېقىپ قويۇلغانىدى.

توقچىلىق

  • توقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاراۋان، باياشات، توق، غەمسىز تۇرمۇش ۋە شۇنداق ھايات:[مىسال:] ئۈرۈمچىنىڭ كوچا-كارامەتلىرىنى كۆرۈپ، باياشاتلىق، توقچىلىقلاردىن كۆڭلى-كۆكسى كۆتۈرۈلگەن ھۈسەينەمنىڭ روھى يايراپ باراتتى.

توقسان

  • توقسان[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] ئوننىڭ توققۇز قېتىم قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان سان.

توقسىنىنچى

  • توقسىنىنچى[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] تەرتىپ ئورنى «90» رەقىمى بىلەن بەلگىلەنگەن، 1 دىن باشلاپ سانىغاندا، تەرتىپ ئورنى جەھەتتىن «89» نىڭ كەينىدىلا تۇرىدىغان:[مىسال:] توقسىنىنچى ئورۇندۇق.

توققۇز

  • توققۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سەككىزدىن كېيىن ۋە ئوندىن بۇرۇن كەلگەن سان.

توققۇز ئوغۇزلار

  • توققۇز ئوغۇزلار[يەشمىسى:] تارىختىكى ئۇيغۇر قوۋملىرىنىڭ نامى، يەنى ھازىرقى قۇمۇلنىڭ غەربى، قارا شەھەرنىڭ شىمالى، تارىم دەريا ۋادىلىرىدا ھەمدە تەڭرى تاغلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى توققۇزقەبىلىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

توققۇز ئۇيغۇرلار

  • توققۇز ئۇيغۇرلار[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] «توققۇز ئوغۇزلار»غا قاراڭ.

توققۇزى تەل

  • توققۇزى تەل[يەشمىسى:] ھەممە نەرسىسى تولۇق، كەم نەرسىسى يوق.

توققۇزئاتار

  • توققۇزئاتار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]توققۇز+ئاتار[[يەشمىسى:] توققۇز تال ئوق قاچىلىنىدىغان ۋە بىر-بىرلەپ ئېتىلىدىغان مىلتىق.

توققۇزەيلەن

  • توققۇزەيلەن[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] توققۇز نەپەر كىشى.

توققۇزتونلۇق

  • توققۇزتونلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]توققۇز+تون+لۇق[[يەشمىسى:] كۆشەيدىغان ھايۋانلار ئاشقازىنىنىڭ 3-قىسمى. ھەجمى ھەرە كۆنىكىدىن چوڭراق، ئىچىدە ياپراقسىمان قاتلاملىرى بولىدۇ، كۆشەلگەندىن كېيىنكى ئوزۇقلۇقلار ئۇنىڭدا داۋاملىق ھەزىم قىلىنىدۇ.

توققۇزكۆز

  • توققۇزكۆز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]توققۇز+كۆز[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] بەلنىڭ ئاستىنقى، قۇيرۇق سۆڭىكىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى.

توققۇزلۇق

  • توققۇزلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر خىلدىكى نەرسە ياكى بەلگىنىڭ توققۇزىدىن تەركىب تاپقان:[مىسال:] توققۇزلۇق تاپان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] توققۇز مىسرادىن تەركىب تاپقان شېئىر تۈرى، مۇتەسسە.

توققۇزىنچى

  • توققۇزىنچى[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] تەرتىپى «9» رەقىمى بىلەن بەلگىلەنگەن، سەككىزىنچىدىن كېيىن، ئونىنچىدىن ئىلگىرى بولغان؛ «9» نومۇرلۇق.

توقلا

  • توقلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىشىمەلدىن ئۆتۈپ ئىككى ياشقا تولۇش ئارىلىقىدىكى بارقا.

توقلاتماق

  • توقلاتماق[يەشمىسى:] «توقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىر قازان ئاش ئەتتۈرۈپ ئۇلارنىڭ قورسىقىنى توقلىتىپ قويغاندىن كېيىن، ئۇلار بىردەم ھاردۇقىنى ئېلىشىپ يەنە ئېتىزغا مېڭىشتى.

توقلاشماق

  • توقلاشماق[يەشمىسى:] «توقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بەش زاغرا ۋە بىر كورا قېتىق بىلەن قورساقلىرىنى توقلاشتى.

توقلانماق

  • توقلانماق[يەشمىسى:] ① «توقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ھەدىسىنىڭ ئۆيىدە ئىككى كۈن تۇرغان بولسىمۇ، تۈزۈكرەك بىر قېتىممۇ توقلىنالماستىن يەنە يېزىغا قايتماقچى بولدى.[يەشمىسى:] ② «توقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ قورسىقى توقلاندى.

توقلۇق

  • توقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توق ھالەت، توقچىلىق:[مىسال:] قورساقنىڭ توقلۇقى كۆڭۈلنىڭ شوقلۇقى (ماقال). * تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى (ماقال).

توقلىماق

  • توقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تويدۇرماق، توق قىلماق:[مىسال:] شۇ كۈنى ئۇ شەھەرگە كەچرەك يېتىپ كەلدى. بىر ئاشخانىغا كىرىپ قورسىقىنى توقلىدى.

توقماق

  • توقماق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنى ئۇرۇپ پارچىلاش، قېقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر ئۇچى تومپاي ياغاچ:[مىسال:] ھۇررا ھۇررا... مىلتىق، نەيزە، توقماق، گۈرجەك، جوتو كۆتۈرگەن كىشىلەر توۋلىغان پېتى تۈرمىگە باستۇرۇپ كىردى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زەربە، تاياق:[مىسال:] توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] قاڭالتىرچىلار ۋە ھارۋا جابدۇقلىرىنى ياسىغۇچىلار ئىشلىتىدىغان ياغاچ بازغان.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[كۆچمە مەنىسى:] [مىسال:] باغلام، تىزىق:[مىسال:] بىر توقماق پۇل.

توقماقبېلىق

  • توقماقبېلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]توقماق+بېلىق[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بېلىق ئائىلىسىدىكى بېشى يۇمىلاق، ئاغزى كىچىك، دۈمبىسى قارا قوڭۇرراق كەلگەن بىر خىل بېلىق. قورساق قىسمى ئاق، قاناتلىرى سېرىق بولۇپ، گۆشى تەملىك كېلىدۇ. تۇخۇمدان، قان ۋە جىگەرلىرى زەھەرلىك بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بويلىرى ۋە بەزى ئىچكى دەريالىرىدىن تېپىلىدۇ.

توقماقچى

  • توقماقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① توقماق بىلەن ئۇرغۇچى:[مىسال:] بۇ ئۈشتىگەرنىڭ شاخارلاپ بۇسلىغان تورلىمىلارنى توقماقلايدىغان ئىككى توقماقچىسى بار ئىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارنى توقماق، كالتەك بىلەن ئۇر-سوق قىلىشنى ئادەت قىلغان مەلۇم بىر تەبىقە، گۇرۇھ ياكى شەخسنىڭ ياللانما ھىمايىچىسى:[مىسال:] ۋاڭنىڭ توقماقچىلىرى ھەيۋە بىلەن توقماقلىرىنى تاراڭلىتىپ، موللازەيدىننى ئوراپ تۇردى.

توقماقلاتماق

  • توقماقلاتماق[يەشمىسى:] «توقماقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ۋاڭ بۇ توقماقچىلارغا يەنە كىمنى توقماقلاتتىكى

توقماقلاشماق

  • توقماقلاشماق[يەشمىسى:] «توقماقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

توقماقلانماق

  • توقماقلانماق[يەشمىسى:] «توقماقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

توقماقلىماق

  • توقماقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] توقماق بىلەن ئۇرماق:[مىسال:] كونا جەمئىيەتتە باي، بەگلەرنىڭ قول چوماقچىلىرى بىگۇناھ پۇقرالارنى خالىغانچا توقماقلاپ، خالىغانچە تۈرمىلەرگە سولىتاتتى.

توقۇتماقⅠ

  • توقۇتماقⅠ[يەشمىسى:] «توقۇماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] گىلەم توقۇتماق. تاغار توقۇتماق. سېۋەت توقۇتماق.

توقۇتماقⅡ

  • توقۇتماقⅡ[يەشمىسى:] «توقۇماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئاتلارنى توقۇتۇپ تەييارلاپ قوي، دېدى دادام نامازغا چىقىپ كېتىۋېتىپ.

توقۇچ

  • توقۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «جىيەك»كە قاراڭ.

توقۇر

  • توقۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گەدەنباغ ئېسىلغان تۆگىنىڭ ئالدىدىكى تۆگىگە ئېسىلىدىغان، ئارا قوڭغۇراقتىن سەل كىچىكرەك قوڭغۇراق.Ⅸ机?تۈرى: كك دەرىجىسى:[مىسال:] يەنە بىرنەچچە قىز-يىگىت قوشاق توقۇشتى، ئۆزئارا ئېيتىشىش قىلدى.

توقۇشماقⅡ

  • توقۇشماقⅡ[يەشمىسى:] «توقۇماقⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئاتلىرىنى توقۇشتى.

توقۇقسىزⅠ

  • توقۇقسىزⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توقۇپ تەييارلانمىغان، توقۇپ بولۇنمىغان:[مىسال:] پوپايكا كارىۋات ئۈستىدە تېخى توقۇقسىز تاشلىنىپ تۇراتتى.

توقۇقسىزⅡ

  • توقۇقسىزⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېگەر-جابدۇق بىلەن توقۇلۇپ تەييارلانمىغان، توقۇپ قويۇلمىغان:[مىسال:] ئەكبەر تېزلىك بىلەن توقۇقسىز تۇرغان ئاتتىن بىرىگە مىندى-دە، يۈرۈپ كەتتى.

توقۇقلۇقⅠ

  • توقۇقلۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توقۇپ تەييارلانغان، توقۇپ بولۇنغان:[مىسال:] بېلىقچىلارنىڭ تورلىرى توقۇقلۇق ئىدى. پەقەت دېڭىزغا چىقىپ تور سالسىلا بولاتتى.

توقۇقلۇقⅡ

  • توقۇقلۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېگەر-جابدۇق بىلەن توقۇلۇپ تەييارلانغان، توقۇپ قويۇلغان:[مىسال:] نادەم قايتىپ چىقىپ، توقۇقلۇق بوز ئاتنى مىندى-دە، يېزىغا قاراپ يول ئالدى.

توقۇلما

  • توقۇلما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توقۇپ، ئۆرۈپ ياسالغان؛ توقۇلغان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گەزلىمە، گەزمال:[مىسال:] پاختا ۋە يىپەك توقۇلمىلار.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يوق يەردىن ئويلاپ چىقىرىلغان، يالغان، ئويدۇرما:[مىسال:] پەن پاكىتقا ھۆرمەت قىلىدۇ، يالغان، توقۇلما گەپنى ئىلمىي تەلىماتنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولمايدۇ.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىزمدىكى ئەزالارنى تەشكىل-قىلغۇچى بىرلىك. ئۇ شەكلى ۋە فۇنكسىيىسى ئوخشاش بولغان نۇرغۇنلىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ مەلۇم شەكىلدە بىرىكىشىدىن تۈزۈلىدۇ، ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلار تېنىدە ئېپىتىل توقۇلمىسى، قوشقۇچى توقۇلما، مۇسكۇل توقۇلمىسى ۋە نېرۋا توقۇلمىسىدىن ئىبارەت تۆت خىل توقۇلما بولىدۇ.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىدە، تۇرمۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئوبراز يارىتىش ۋە مەركىزىي ئىدىيىنى گەۋدىلەندۈرۈش قاتارلىقلاردا قوللىنىلىدىغان بىر خىل مۇھىم بەدىئىي ئۇسۇل.

توقۇلماقⅠ

  • توقۇلماقⅠ[يەشمىسى:] «توقۇماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئاشۇ يىپلاردىن تاشپاختا گىلىمى ياكى تاشپاختا رەختى توقۇلىدىكەن.

توقۇلماقⅡ

  • توقۇلماقⅡ[يەشمىسى:] «توقۇماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مەن ياخشى توقۇلغان بۇ ئاتقا يىراقتىن قارىدىم.

توقۇلمىشۇناس

  • توقۇلمىشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورگانىزمدىكى توقۇلمىنىڭ شەكلى ۋە فۇنكسىيىسىنى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىس، ئالىم.

توقۇلمىشۇناسلىق

  • توقۇلمىشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورگانىزمدىكى تۈرلۈك توقۇلمىلارنىڭ شەكلى، فۇنكسىيىسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

توقۇلمىلىق

  • توقۇلمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توقۇلما ھالەتتىكى، توقۇلما ھالەتتە:[مىسال:] توقۇلمىلىق داۋالاش ئۇسۇلى.

توقۇم

  • توقۇم [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئات-ئۇلاغلارنىڭ ئېگەر ياكى چومىنىڭ ئاستىغا قويۇلىدىغان، بىرقانچە قات كىگىزدىن تىكىلگەن جابدۇق:[مىسال:] ئاتتىن ئايرىلساڭمۇ، توقۇمىدىن ئايرىلما (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قات-قات؛ قېلىن:[مىسال:] مانا قارىمامسىز، دوختۇرغا قاتراۋېرىپ، كېسەل تارىخىممۇ توقۇم بولۇپ كەتتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن گۇناھ، ئەيىب:[مىسال:] ئۆزىنىڭ توقۇمىنى باشقىلارغا ئارتماق.

توقۇمنى قارنىغا ئالماق

  • توقۇمنى قارنىغا ئالماق[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى مەسىلە ھەققىدە بىردىنلا چىدىماسلىق قىلغانلىقىنى، يامىنىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] گەپنىڭ بېشى چىقار-چىقماستىن توقۇمنى قارنىڭغا ئالغىلى تۇردۇڭمۇ مانا ئەمىسە دەپ ھەممىنى بىر ئېچىۋېتىمەن تازا

توقۇما

  • توقۇما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توقۇلغان، توقۇلما.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇڭ يىپ ئۆرۈش، پاختا يىپ ئارقاق قىلىنىپ توقۇلغان تىۋىتلىق رەخت. ئالدى يۈزىدە تىك ۋە تەكشى ھالەتتىكى ئۇزۇن تىۋىتلىرى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن قىشلىق كىيىم تىكىشكە بولىدۇ.

توقۇماقⅠ

  • توقۇماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ھەر خىل يىپ ئارقىلىق گەزلىمە ياكى پوپايكا قاتارلىق توقۇلما بۇيۇملارنى تەييارلىماق:[مىسال:] ئېرى قوشۇمچە چەكمەن-چوتار، كاتەكچە شاتىۋار توقۇيدىغان كاسىپ ئىدى.[يەشمىسى:] ② تال-تال چىۋىق ياكى قومۇش قاتارلىقلارنى ئۆرۈپ ياكى بىر-بىرىگە چېتىپ، ھەر خىل شەكىلدىكى بۇيۇم ھالىتىگە كەلتۈرمەك:[مىسال:] بورا توقۇماق. زەمبىل توقۇماق. سېۋەت توقۇماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئېيتىپ ياكى يېزىپ، مەلۇم ئىجادىيەت شەكلىگە كەلتۈرمەك، تۈزمەك:[مىسال:] ئېيتىشىش ئادەتتە ئىختىيارىي بولىدۇ. كىم خالىسا ئورنىدىن تۇرۇپ، جۈپ تاللاپ، قوشاق توقۇيدۇ.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يوق يەردىن ئويلاپ چىقارماق، ئويدۇرماق:[مىسال:] مەن دېمىگەن گەپلەرنى نەدىن توقۇپ چىقاردىڭ

توقۇماقⅡ

  • توقۇماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئات-ئۇلاغقا ئېگەر-توقۇم ئارتىپ جابدۇماق:[مىسال:] سەمەت ئېغىلدىن قېچىردەك يوغان بىر بوز ئېشەكنى ھەم جۇغى كىچىكرەك شوخ قارا ئېشەكنى ئاچىقىپ، ئۈستىگە گۈللۈك ئۇچۇلۇقلارنى توقۇدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلىمەك، ئارتماق:[مىسال:] ھېلىمۇ ياخشى، بارات شۇجى دادامنىڭ كېسىلىنى يوقلاپ كەلگەندە ئۆيدە بولماپتىكەنمەن، بولمىسا، ماڭا توقۇيدىغان خېلى توقۇملىرىڭ بار ئىكەن-دە.

توقۇملۇق

  • توقۇملۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دۆمبىسىدە توقۇمى بار، توقۇم توقۇپ جابدۇلغان:[مىسال:] چاققانلىق بىلەن ئامبالنىڭ نېرىغا قاڭقىپ چۈشكەن مىلتىقىنى، ئوقدانلىرىنى ئالدىم-دە، بۇ ئەتراپتا يۈگۈرۈك ئاتالغان، كۈمۈش ئېگەر-توقۇملۇق داڭلىق كۆك ئېتىنى مىنىپ، تاغ ئىچكىرىسىگە قېچىپ كىرىپ كەتتىم.[يەشمىسى:] ② توقۇم تىكىشكە لايىق، توقۇم تىكىشكە يېتىدىغان:[مىسال:] ئۆيىمىزدە بىر توقۇملۇق كىگىز بار، قارا ھاڭگىغا دەرھال توقۇم تىكتۈرمىسەك، ئەمدى ياۋىداق مىنگىلى بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.

توقۇمىچى

  • توقۇمىچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېگىرىش-توقۇش فابرىكىلىرىدا توقۇش بىلەن شۇغۇللانغۇچى:[مىسال:] قولى چاققان توقۇمىچى قىز ئىستانوك ئالدىدا تىك تۇرۇپ جاھازىلاردىن كۆزىنى ئۈزمەيتتى.

توقۇمىچىلىق

  • توقۇمىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توقۇش كەسپى:[مىسال:] مەن توقۇمىچىلىقنى ئۆگىنىپ، توقۇمىچىلىقتا ئىشلىدىم.

توقۇناق

  • توقۇناق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئات-ئۇلاغ، ھارۋىلارغا ئارتىلغان ئارغامچىنىڭ ئۇچىغا چىگىلگەن ئىلمەك ياغاچ:[مىسال:] ئوتۇنچى ئورنىدىن تۇرۇپ، بىر ئۇچى ياغاچ توقۇناققا چىگىلگەن كونا ئارغامچىنى قولتۇقىغا قىستى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئورۇنسىز يامان قىلىپ كۆرسىتىلگەن تەرەپ، بەتنام:[مىسال:] خالىق ساقى ئۇنىڭغا «ئەكسىلئىنقىلابچى تۇغقىنى بار ئىكەن» دېگەن توقۇناقنى ئارتىپ قويماي دەپ ئويلىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆڭۈلدە ساقلىغان غۇم، يامان نىيەت:[مىسال:] ئۇنىڭ قورسىقىنىڭ توقۇنىقى بار.

توقۇناقلىق

  • توقۇناقلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توقۇنىقى بار، توقۇناق باغلانغان:[مىسال:] توقۇناقلىق ئارغامچا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توقۇناق بولىدىغان، توقۇناققا لايىق:[مىسال:] مەن باغدىن بىر توقۇناقلىق ئۆرۈك ئاچىسىنى كېسىپ كەلدىم.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆڭلى ئەگرىلىك، نىيىتى يامانلىق:[مىسال:] سېخىمىز ئۇنىڭ ياش ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھازىرغىچە ھەمىشە ئىش ئۈستىدە قىلىۋاتقان توقۇناقلىقىغا پەقەت نەسىھەت قىلىپلا كەلدى.

توقۇنۇش

  • توقۇنۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىككى تەرەپ بىر-بىرى بىلەن دۇقۇرۇشۇش، دۇچ كېلىپ بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇش:[مىسال:] ھەر كۈنى دېگۈدەك ئەسكەرلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا كىچىك توقۇنۇشلار بولۇپ تۇردى.[يەشمىسى:] ② بىر-بىرىگە دۇچ كەلگەن قىسىملار، كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ:[مىسال:] ئون مىنۇت، يېرىم سائەت داۋام قىلىدىغان قىسقا، ئەمما تۇيۇقسىز توقۇنۇشلار دۈشمەنگە ھېچ ئارام بەرمەيتتى.[يەشمىسى:] ③ ئوتتۇرىدا بولغان تالاش-تارتىش، ئىختىلاپ:[مىسال:] راخمان مۇدىر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدىكى توقۇنۇش ئەنە شۇنداق باشلاندى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زىددىيەت، قارىمۇقارشىلىق:[مىسال:] بۇ بىر قاتار ھەرىكەتلەر ئۇنىڭ كاللىسىدا كەسكىن ئىدىيىۋى توقۇنۇش بولۇۋاتقانلىقىنى دەلىللەپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىي ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن ھەر خىل پېرسۇناژلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە كۈرەشلەر. توقۇنۇش ئەدەبىي ئەسەرلەر سۇژىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە پېرسوناژلار خاراكتېرىنى ئېچىپ كۆرسىتىشتىكى مۇھىم بىر ھالقا.

توقۇنۇشتۇرماق

  • توقۇنۇشتۇرماق[يەشمىسى:] «توقۇنۇشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مۇبادا ئۇ باشقىلارنىڭ يېنىدا سۆزلىشىشكە توغرا كەلسە، يۈزىگە قارىمايتتى، كۆزىنى توقۇنۇشتۇرمايتتى.

توقۇنۇشتۇرۇلماق

  • توقۇنۇشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «توقۇنۇشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

توقۇنۇشسىز

  • توقۇنۇشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توقۇنۇش ۋە توسالغۇدىن خالىي، ئىختىلاپ ۋە ماجىراسىز، توسالغۇسىز:[مىسال:] كونا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىدىن يېڭى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىگە ئۆتۈش ئوڭۇشلۇق، توقۇنۇشسىز، داۋالغۇشلارسىز بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس.

توقۇنۇشلۇق

  • توقۇنۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توقۇنۇش، توسالغۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ ئىختىلاپ ۋە ماجىرا يۈز بەرگەن:[مىسال:] مۇئەللىم ئۆز ھېكايىسىدە توقۇنۇشلۇق ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەردى.

توقۇنۇشماق

  • توقۇنۇشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر-بىرىگە ئۇچرىشىپ، دۇچ كېلىپ، يولۇقۇپ قالماق:[مىسال:] ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بىر-بىرى بىلەن توقۇنۇشتى.[يەشمىسى:] ② بىر-بىرىگە ئۇرۇلماق، دوقۇرۇشماق:[مىسال:] ئۇنىڭمۇ يۈرەك قاتلىمىدا بىر-بىرىگە زىددىيەتلىك قاتتىق دولقۇن توقۇنۇشۇپ شاۋقۇنلاۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ③ بىر-بىرى بىلەن جاڭجاللاشماق، ئۇرۇشماق، جەڭ قىلىشماق:[مىسال:] ئىككى تەرەپ قاتتىق توقۇنۇشقان بىر قېتىملىق ئەلەم كۈرىشىدە تەگكەن ئوق نەق بۇ «قەھرىمان»نىڭ يۈرىكىنى يۇلۇپ كەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ④ [مىسال:] [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زىتلاشماق، قارشىلاشماق، جېدەللەشمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەتروزى ۋە سۇلتانلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى.

توقىچاقⅠ

  • توقىچاقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توقاچ شەكلىدە يېسسى ۋە يۇمىلاق بولغان:[مىسال:] توقىچاق شاپتۇل.

توقىچاقⅡ

  • توقىچاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] «تۆمۈر تۇمشۇق»قا قاراڭ.

توقىلەنەت

  • توقىلەنەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]توقا+لەنەت[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] جازا سۈپىتىدە گۇناھكارلارنىڭ بوينىغا سېلىنىدىغان تاقاق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زور تەشۋىش، غەم-ئەندىشە؛ تىل-ئاھانەت ۋە مەسخىرە:[مىسال:] ياخشى كۆرگەن كىشىم بىلەن توي قىلىمەن دەپ، ئاز ئۆتمەي مۇنچىۋالا توقىلەنەتكە قالغىنىنى

توقىلىق

  • توقىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توقىسى بار، توقا بېكىتىلگەن:[مىسال:] ئالتۇن توقىلىق خەنجەر.

توكⅠ

  • توكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئېلېكتر<[يەشمىسى:] ئېلېكتر زەرىتىنىڭ ئېقىمى. توك ئۆتكۈزگۈچتىن ئۆتكەندە ئىسسىقلىق ئېففېكتى، خىمىيىلىك ئېففېكت، يورۇقلۇق چىقىرىش ئېففېكتى قاتارلىقلارنى ھاسىل قىلىدۇ.

توك سىمى

  • توك سىمى[كەسىپ تۈرى:]>ئېلېكتر<[يەشمىسى:] ئېلېكتر كۈچىنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئۆتكۈزگۈچ سىم. كۆپرەك مىس ياكى ئاليۇمىندىن ياسىلىدۇ.

توك ئېقىمى

  • توك ئېقىمى[كەسىپ تۈرى:]>ئېلېكتر<[يەشمىسى:] «توكⅠ»غا قاراڭ.

توكⅡ

  • توكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① تاش، چالما قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ يەرگە ياكى قاتتىق نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈشىدىن ياكى ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] قۇشقاچنىڭ ئاغزىدىكى دان ئالدىغا «توك» قىلىپ چۈشۈپتۇ.[يەشمىسى:] ② توخۇ، ئۆردەك قاتارلىقلارنىڭ داننى قاتتىق چوقۇپ ئېلىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] خوراز يەردىكى داننى «توك» قىلىپ چوقۇۋالدى.

توكاڭ

  • توكاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئېشەك قاتارلىق ئۇلاغلارغا ئارتىشقا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، ئىككى بېشى تۇتاش خۇرجۇنغا ئوخشاش توقۇلغان چوڭ سېۋەت.

توك-توك

  • توك-توك[يەشمىسى:] «توكⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] توخۇلار «توك-توك» قىلىپ دان چوقۇشتى.

توكچاتقۇچ

  • توكچاتقۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]توك+چاتقۇچ[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئۆتكۈزگۈچ سىمنىڭ بىر بېشىغا ئۇلىنىدىغان چاتقۇچ. ئۇنى روزېتكىغا سانجىغاندا توك ئۇلىنىدۇ.

توكچى

  • توكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش، قۇراشتۇرۇش، رېمونت قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچى تېخنىك ئىشچى.

توكچىلىق

  • توكچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش، قۇراشتۇرۇش، رېمونت قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى:[مىسال:] توكچىلىق قىلماق. * ئادىل ئۇزۇندىن بېرى ئىدارىمىزدا توكچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى.

توكسىكولوگىيە

  • توكسىكولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] بەزى مىكرو ئورگانىزملار شۇنىڭدەك بەزى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر چىقىرىدىغان زەھەرلىك ماددىلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

توكسىن

  • توكسىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] بەزى مىكرو ئورگانىزملار شۇنىڭدەك بەزى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر چىقىرىدىغان زەھەرلىك ماددىلار.

توككىدە

  • توككىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «توك» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ، «توك» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ ئاياغ تەرىپىگە «توككىدە» قىلىپ بىرنەرسە چۈشكەندەك بولدى.

توكلۇق

  • توكلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان:[مىسال:] توكلۇق دۋىگاتېل.

توكۇرⅠ

  • توكۇرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاقساپ ماڭىدىغان، بىر ئايىغى كالتە ياكى مېيىپ:[مىسال:] توكۇرنىڭ يولى كۆپ، گاچىنىڭ ئېپى كۆپ (ماقال).

توكۇرⅡ

  • توكۇرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] توكۇلدايدىغان نەرسىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇپ ئۆتۈشىدىن ياكى پاشنىلىق ئاياغلاردىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] كېچىسى ئىشىك ئالدىدا «توكۇر» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى.

توكۇراڭ

  • توكۇراڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى تەرىپىگە تېرە يېپىلغان ۋە ئورىلىدىغان تاسما بېكىتىلگەن، ئوتتۇرىسىغا بېكىتىلگەن ياغاچ تۇتقۇچنى قولدا ئايلاندۇرۇپ چېلىنىدىغان، چىنە قادىغۇچى ۋە مىلىچمال ساتقۇچىلار چالىدىغان بىر خىل كىچىك ناغرا.

توكۇراڭچى

  • توكۇراڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توكۇراڭنى چېلىپ، كوچىمۇكوچا ئايلىنىپ مال ساتقۇچى.

توكۇر-توكۇر

  • توكۇر-توكۇر[يەشمىسى:] «توكۇر» قىلغان ۋە شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] ئۆگزىنىڭ نېپىز يەرلىرىدىن ئۆتكەن يامغۇر كارىۋات ئۈستىگە قويۇلغان داسقا «توكۇر-توكۇر» قىلىپ چۈشۈپ تۇراتتى.

توكۇرلاتماق

  • توكۇرلاتماق[يەشمىسى:] «توكۇرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەزىن ئاخۇنۇم كەشىنى توكۇرلىتىپ يىراقتىن كېلىۋاتاتتى.

توكۇرلاشماق

  • توكۇرلاشماق[يەشمىسى:] «توكۇرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] رەھىم ئاكام ئىلمەك ياغاچ بىلەن ئالمىنىڭ بىر شېخىنى ئىلىپ سىلكىۋىدى، ئالمىلار توكۇرلىشىپ يەرگە چۈشتى.

توكۇرلىماق

  • توكۇرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «توكۇر-توكۇر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] ئۇ ئەتىگەندە توكۇرلاپ كەلدى.

توكۇس

  • توكۇس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرنەرسىنىڭ ئىككىنچى بىرنەرسىگە ئارقا-ئارقىدىن بىر قاتتىق، بىر بوش تېگىشىدىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] بوۋاينىڭ ھاسىسىنىڭ پول ئۈستىدە «توكۇس» قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ كارىۋاتتىن چۈشۈشكە تەمشىلىۋاتقانلىقىنى سەزدىم.

توكۇس-توكۇس

  • توكۇس-توكۇس[يەشمىسى:] «توكۇس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

توكۇسسىدە

  • توكۇسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «توكۇس» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ، «توكۇس» قىلغان ھالدا:[مىسال:] توكۇسسىدە تەگمەك.

توكۇسلاتماق

  • توكۇسلاتماق[يەشمىسى:] «توكۇسلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ساھىبخانا ئورنىدىن دەس تۇردى-دە، قولتۇق تايىقىنى توكۇسلىتىپ كېلىپ، ئابدۇراخمان بىلەن قايتىدىن كۆرۈشتى.

توكۇسلاشماق

  • توكۇسلاشماق[يەشمىسى:] «توكۇسلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

توكۇسلىماق

  • توكۇسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «توكۇس» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] بۇ توكۇر توكۇسلاپ نەگە ماڭدىكىنە

توكۇلداتماق

  • توكۇلداتماق[يەشمىسى:] «توكۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دادام كۆۋرۈك شەكلىدە تۇرغان قارنى كۆۋرۈكمىكىن دەپ، ھاسىسى بىلەن توكۇلدىتىپ ئۇرۇپ باقتى.

توكۇلداشماق

  • توكۇلداشماق[يەشمىسى:] «توكۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يىراقتىن توكۇلداشقان ئاياغ تاۋۇشلىرى ئاڭلاندى.

توكۇلداق

  • توكۇلداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تۆمۈرتۇمشۇق.

توكۇلدىماق

  • توكۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «توك-توك» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] ئېغىر ياتقۇدا ياتاق يېنىدا توكۇلدىغان ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى.

توڭⅠ

  • توڭⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سوغۇقتىن مۇزلاپ قاتقان، مۇزغا ئايلانغان:[مىسال:] بىردەمدىلا ئويۇلۇپ توڭ يەر، ئادەم بويى كولاندى قۇدۇق. قېزىۋەردى بارغانچە چاپسان، قول چىراغدىن چۈشۈرۈپ يورۇق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەر، سۇ قاتارلىق نەرسىلەر مۇزلاپ توڭلىغان ھالەت ۋە مۇشۇنداق قاتتىق سوغۇق:[مىسال:] ئاسىمنىڭ دېيىشىچە، ئەتىيازدا توڭ كېتىش بىلەن باشقا دۈيلەرگە كۆچىدىكەنمىز.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پىشمىغان، تەمگە كىرمىگەن: توڭ ئالما.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قوپال، قاتتىق، كىشىنىڭ كۆڭلىگە تېگىدىغان:[مىسال:] پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ (ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پوزىتسىيىسى قوپال، خۇش مۇئامىلە قىلمايدىغان:[مىسال:] مېنىڭ بارا-بارا سىزگە يېقىنلىشىشىم ۋە تونۇشۇشىمىزنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، سىز ماڭا سىرلىق، ھېسسىياتسىز، توڭ ئادەم بولۇپ تويۇلۇشقا باشلىدىڭىز.

توڭⅡ

  • توڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق ۋە كاۋاك نەرسىلەرنى ئۇرۇشتىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] بىر تاياق ئۇنىڭ بېشىغا توڭ قىلىپ تەگدى.

توڭ-توڭ

  • توڭ-توڭ[يەشمىسى:] «توڭⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] دۈيجاڭ ئىشخانا ئۆگزىسىدىكى داڭنى «توڭ-توڭ» قىلىپ چېلىپ ئەزالارنى مەجلىسكە چاقىرىشقا باشلىدى.

توڭدۇرماق

  • توڭدۇرماق[يەشمىسى:] «توڭماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سابىر ئاداش، بۇ سوغۇقتا ئىشىكىڭنى ئىتتىك ئاچماي، بىزنى ئەجەب توڭدۇردۇڭ.

توڭراⅠ

  • توڭراⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىر، قاسماق:[مىسال:] بالام، دېدى ئانا بالىسىنى جىمىلەپ، ئۇۋۇلاپ قولۇڭنىڭ توڭرىسىنى چىقارمىساڭچۇ ∥ خوش بىز كەتتۇق دېدى ئۇ تاشماقنىڭ قاغا پۇتىدەك ئىنچىكە ۋە توڭرا قوللىرىنى سىقىپ، ھەممە ئىش ئۆزۈڭگە قالدى، يوليورۇق سوراشنى ئۇنتۇما

توڭراⅡ

  • توڭراⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] قەدىمكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرى، يەنى تۇرالارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، تۇرا دەرياسىنىڭ شىمالىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتا تۈرك خانلىقىغا تەۋە ئىدى. سىر-تاردۇشلار كۈچەيگەن مەزگىلدە ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتكەن، كېيىنكى ۋاقىتتا قۇملۇقنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ كەلگەن.

توڭرىلىق

  • توڭرىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توڭرىسى بار، توڭرا بولغان:[مىسال:] ھاپىتىغا شاپىتى، توڭرىلىققا مەرەزدا (ماقال).

توڭغاق

  • توڭغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توڭۇپلا تۇرىدىغان، سوغۇققا چىدىمايدىغان:[مىسال:] قېرى دوڭغاق كېلەر، سوغۇقتا توڭغاق كېلەر (ماقال).

توڭغاقلىق

  • توڭغاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاسان توڭىدىغان مىجەز، سوغۇققا چىدامسىزلىق.

توڭكاي

  • توڭكاي[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چوڭ سۆڭەك:[مىسال:] ئىت بىر توڭكاينى چىشلەپ ئالدىدا كېتىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھىڭگاڭ، بۆرتۈپ چىققان (چىش ھەققىدە):[مىسال:] باشلىق، دېدى توڭكاي چىش بىرى ھېلىقى ئېگىز بويلۇققا قاراپ كۆز قىسىپ، ئالىقىنىغا تۈكۈرۈپ تۇرۇپ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھىڭگاڭ، بۆرتۈپ چىققان چىشلىق ئادەم:[مىسال:] مەن دېمىدىممۇ، ھېلىقى توڭكاي شۇ ئىكەن، ئۇ بۇرۇن شۇ زاۋۇتنىڭ مالىيە بۆلۈمىدە ئىشلەيتتى.

توڭگۇز

  • توڭگۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ① سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. بۇرۇن ۋە ئېغىز تۇمشۇقلىرى ئۇزۇنچاق، كۆزى كىچىك، قۇلىقى چوڭ، پۇتى قىسقا، تېنى سېمىز بولىدۇ؛ تېرىسىدىن خۇرۇم، مويىدىن چوتكا ئىشلىگىلى ۋە سانائەتتە خام ئەشيا قىلغىلى بولىدۇ؛ تېزەكلىرىنى ئوغۇت قىلىشقا بولىدۇ. «چوشقا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] «ئەبلەخ»، «ھايۋان» دېگەن مەنىدىكى تىل-ھاقارەت سۆزى:[مىسال:] شېڭ شىسەي دېگەن توڭگۇز، ھارۋىكەشنى «خو» دەيدۇ، ئاغزىدا دېگەن بىلەن، ئۈچ كۈن تۇرسا «زو» دەيدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] مۈچەل يىل ھېسابىدا ئون ئىككىنچى يىلنىڭ نامى:[مىسال:] ئۇنىڭ مۈچىلى توڭگۇز ئىكەن.

توڭگۇزتاراق

  • توڭگۇزتاراق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]توڭگۇز+تاراق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] توڭگۇزتاراق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تېبابەتچىلىكتە دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ سۇنۇقنى داۋالاشتا ئۈنۈمى يۇقىرى.

توڭگۇزتېرىقى

  • توڭگۇزتېرىقى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]توڭگۇز+تېرىق+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] سازلىقلاردا، سۇ توختاپ قالغان ئورۇنلاردا ئۆسىدىغان بىر خىل ئوت.

توڭگۇزلۇق

  • توڭگۇزلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياۋا چوشقا ياشايدىغان جاي.

توڭگۇزياڭىقى

  • توڭگۇزياڭىقى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]توڭگۇز+ياڭاق+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «بەللۇت»قا قاراڭ.

توڭڭىدە

  • توڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «توڭ» قىلىپ، «توڭ» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ھېلىقى ئەبلەخ مۇشتنىڭ زەربىسىدىن ئىككى ئۈچ قەدەم ئارقىسىغا داجىپ، ئارقا مېڭىسى بىلەن ئۇدۇل دېرىزە ئالدىدىكى چاي جوزىسىغا توڭڭىدە ئۇرۇلدى.

توڭلاتقۇ

  • توڭلاتقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېمەكلىكلەرنى سوغۇق ساقلىغۇچى بىر خىل ئۈسكۈنە. ئىشكاپ شەكلىدە بولۇپ، ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدۇ.

توڭلاتماق

  • توڭلاتماق[يەشمىسى:] ① «توڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] گاڭدا تۇردۇم مۇزدا ھېچ توڭلاتمىدى ئوتۇڭ مېنى، «جىلۋە» ئەيلەپ كەلسە دۈشمەن، ساتمىدى ئوتۇڭ مېنى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تارقىتىش، ئىجرا قىلىشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويماق؛ ۋاقىتلىق كۈچىدىن قالدۇرماق:[مىسال:] پۇلنى توڭلىتىش تۇرسۇن بىلەن يەنە بىرلىرىنىڭ قورسىقىدىن چىققان ھىيلە.

توڭلاشماق

  • توڭلاشماق[يەشمىسى:] «توڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

توڭلۇق

  • توڭلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توڭ، قوپال خاراكتېر، قوپاللىق:[مىسال:] ئالدىرىماي تۇرسىلا دېدى ئارزۇگۈل ئايالنى سىلكىپ توڭلۇق بىلەن.

توڭلىتىلماق

  • توڭلىتىلماق[يەشمىسى:] «توڭلاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] توڭ ئىسكىلاتىدا نەچچە مىڭ توننا گۆش توڭلىتىلدى. * ئۇلارنىڭ يېزا بانكىسىغا يۆتكىگەن پۇلى پۈتۈنلەي توڭلىتىلغانىدى.

توڭلىماق

  • توڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سوغۇقتىن مۇزلاپ قاتماق، مۇزغا ئايلانماق:[مىسال:] قار بىلەن تەڭ توڭلىدى تۇپراق، شىۋىرغانلىق، سوغۇق ھەممە ياق.[يەشمىسى:] ② مۇزلىماق، توڭماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئەتراپىدا جۇۋا كىيگەن، سوغۇقتىن توڭلىغان كىشىلەر ئىسسىنىپ ئولتۇرۇشاتتى.[يەشمىسى:] ③ قېتىپ قالماق، مۇزلاپ ئۆلمەك:[مىسال:] بۇ يىلقى قاتتىق سوغۇقتا تۆت توخۇمىز توڭلاپ قالدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىزغىنلىقى سوۋۇماق، مېھىر-مۇھەببىتى قايتماق (راي، كۆڭۈل قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] تۇراپنىڭ سۆزى خۇددى بىر كۆزگە كۆرۈنمەس ئىسسىق ئېقىمدەك، دېھقانلارنىڭ توڭلىغان ۋۇجۇدىغا ئىللىق ھارارەت بېغىشلىدى.

توڭماق

  • توڭماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سوغۇق بەدىنىگە قاتتىق تەسىر قىلماق، سوغۇق بەدىنىگە ئۆتمەك؛ مۇزلىماق:[مىسال:] توخۇ توڭغانسېرى دەرەخنىڭ ئۇچىغا چىقار (ماقال).

توڭۇشماق

  • توڭۇشماق[يەشمىسى:] «توڭماق» پېئىلنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سوغۇقتا يول يۈرۈپ، توڭۇشۇپ كېتىشىپلا، قېنى ئۆيگە مەرھەمەت قىلىپ، بىر پىيالىدىن چاي ئىچىشسىلە.

تولا

  • تولا[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سان، مىقدار جەھەتتىن كۆپ، نۇرغۇن، جىق:[مىسال:] تولا گەپ. تولا سۆزلىمەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر سان ياكى مىقدار تەركىبىنىڭ كۆپرەكىنى تەشكىل قىلغىنى، كۆپ ساندىكىسى:[مىسال:] ئاخىرى ساقاللىرى قاردەك ئاقارغان، ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسى مۇشۇ گۇندىخانىدا ئۆتكەن بىر مەھبۇسنىڭ مەسلىھەتى ئۈنۈم بەردى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بەك، كۆپ، ناھايىتى، غايەت:[مىسال:] سەن تولا چالۋاقىماي، ئەزالار ئالدىدا ئۆزۈڭنى تەكشۈرۈشكە تەييارلان، دېدى ئاسىم.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۇزۇن، ئۇزاق:[مىسال:] بۇ كۈنلەردە دادام بەكمۇ ئالدىراش ئىدى. كۈندۈزى كۆرۈشەلمەيتتۇق، ئاخشاملىرىمۇ تولا ساقلاپ، ئاخىرى ئۇخلاپ قالاتتىم.

تولاتماق

  • تولاتماق[يەشمىسى:] «تولىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يىپ تولاتماق.

تولاشماق

  • تولاشماق[يەشمىسى:] «تولىماق» پېئىلنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يىپ تولاشماق. * ئەزالار دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا كەندىر شېخىدىن چىگە سويۇپ ئارغامچا تولىشاتتى.

تولام

  • تولام[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولانغان، تولاپ قويۇلغان:[مىسال:] تولام يىپ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ، تولانغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بەش تولام يىپ.

تولامچاق

  • تولامچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تولام+چاق[[يەشمىسى:] ناچىدىكى مەشۇتنى كۇدىغا تولاپ يۆگەيدىغان چوڭ چاق.

تولانماق

  • تولانماق[يەشمىسى:] «تولىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئارغامچا پىششىق تولاندى.

تولتا

  • تولتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىچاقنىڭ بىسى بىلەن دەستىنىڭ تۇتاشقان جايى ۋە ئۇنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغۇچى زىننەتلىك قىسمى.

تولتىلىق

  • تولتىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولتىسى بار، تولتا ئورنىتىلغان:[مىسال:] بۇ قامەتلىك ئادەم، سۈتتەك ئاق خەسە يەكتىكىنىڭ سىرتىدىن ھاۋا رەڭ دۇردۇن بەلۋاغ باغلاپ، كۈمۈش تولتىلىق يېڭىسار پىچىقىنى قىستۇرۇۋالغانىدى.

تولدۇرغۇچى

  • تولدۇرغۇچى[يەشمىسى:] ① «تولدۇرماق» پېئىلىنىڭ سۈپەتدىشى:[مىسال:] تولدۇرغۇچى تەنچە. تولدۇرغۇچى بۇلۇڭ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] جۈملىنىڭ پېئىلغا ئەگىشىپ كېلىپ، پېئىلدا ئاڭلىتىلغان ئىش-ھەرىكەتنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئوبيېكتىنى كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇنى تولۇقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان بىر بۆلىكى.

تولدۇرما

  • تولدۇرما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولدۇرۇپ، چىڭقاپ ئىشلىتىلىدىغان، تولدۇرۇلغان:[مىسال:] تولدۇرما ئېتىز.

تولدۇرماق

  • تولدۇرماق[يەشمىسى:] ① «تولماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەزالار كۆل پۈتكەندىن كېيىن، كۆلنى سۇغا تولدۇردى.[يەشمىسى:] ② تولۇقلىماق، مۇكەممەل قىلماق؛ بەلگىلىك چەككە يەتكۈزمەك:[مىسال:] مەن مەسئۇلىيەت يېرىمنى چوقۇم ياخشى باشقۇرۇپ، بۇ يىلقى زىياننى تولدۇرۇۋالىمەن[يەشمىسى:] ③ بوش ئورۇنلارغا، گرافىكلارغا تېگىشلىك سانلار ۋە مەلۇماتلارنى يازماق:[مىسال:] سىز تولدۇرغان ئانكىتلىرىڭىزغا قارىساق، بۇ يىل 68 ياشقا چىقىدىكەنسىز، شۇنداقمۇ ئەمەس

تولدۇرۇشماق

  • تولدۇرۇشماق[يەشمىسى:] «تولدۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ساقچىلار بوۋايدىن سورىمايلا موخۇركىنى ئوچۇملاپ ئېلىپ، يانچۇقلىرىنى تولدۇرۇشتى ۋە پۇل تۆلىمەستىنلا كەتمەكچى بولۇشتى.

تولدۇرۇلماق

  • تولدۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تولدۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] توقۇمىچىلىق سانائىتىدە خىمىيىۋى توقۇلما، تالالىق توقۇلما بۇيۇملار كۆپىيىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى كەم ئورنى تولدۇرۇلدى.

تولغاتماق

  • تولغاتماق[يەشمىسى:] «تولغىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھېلىقى شاپ بۇرۇت بېشىم بىلەن ئوڭ قولۇمنى تۇتۇپ بېرىپ، سول قولۇمنى يەنە بىر چوماقچىسىغا تولغىتىۋەتتى.

تولغاش

  • تولغاش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولغانغان، تولغىماچ:[مىسال:] تولغاش ياغاچ.

تولغاشماق

  • تولغاشماق[يەشمىسى:] ① «تولغىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار پەرۋاسىز، ھەدەپ بەللىرىنى تولغىشاتتى.[يەشمىسى:] ② تولغىماچ ھالەتكە كېلىپ قالماق، تولغىماچ بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئوشۇقىدىن بوغۇۋالغان كونا قونچلۇق چورۇقىنىڭ ئۇچلۇق تۇمشۇقى ئۇنىڭ قوناقتەك شالاڭ، ئۇزۇن تۈكلەر تولغىشىپ تۇرغان ئېڭىكىگە قاراپ تۇراتتى.

تولغاق

  • تولغاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۇغۇش ئالدىدا تۇتىدىغان قاتتىق ئاغرىق:[مىسال:] بىركۈنى كەچتە ئايالىمنى تولغاق تۇتۇپ قالدى، تۇغۇت ئانىسىنى چاقىرىپ كىردىم.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئۈچەي يوللىرىنىڭ ياللۇغلىنىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل. كېسەل پەيدا قىلغۇچىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ باكتېرىيىلىك تولغاق ۋە ئاميوبالىق تولغاق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.

تولغام

  • تولغام[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولغاپ چىڭىتىدىغان، تولغاپ بىر-بىرىگە ھىم قىلىدىغان:[مىسال:] تولغام ياغاچ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇشۇنداق قىلىشقا ئىشلىتىدىغان يىپ ياكى ئارغامچا:[مىسال:] تولغام سالماق.

تولغانماق

  • تولغانماق[يەشمىسى:] ① «تولغىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا تولغىنىپ ئىككى ئەجدىھا ياتقانىكەن.[يەشمىسى:] ② «تولغىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] سىم تولغاندى. جۈمەك تولغاندى.[يەشمىسى:] ③ ئىككى تەرەپكە تەۋرىنىپ، يۆگىلىپ ھەرىكەت قىلماق:[مىسال:] ئانار قەدىمىنى يۆتكىگەندە، ئۇنىڭ تېقىمىغا چۈشۈپ تۇرغان بىلەكتەك توم، قاپقارا چاچلىرى يىلاندەك تولغىنىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ④ ئۆزىنى ئىختىيارسىز ھالدا ئۇ يان-بۇ يان تاشلىماق، بۇرۇلماق:[مىسال:] ئەكبەر ئۇلار ھەربىر تەپكىنىدە بىر تولغىناتتى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاتتىق ئازابلانماق؛ دەرد-ئەلەم چەكمەك:[مىسال:] ئاكىسى ئېسىگە كەلسىلا، ھېلىمئاخۇننىڭ ئۆپكىسى ئۆرلەيتتى. بىراۋ يۈرەك-باغرىنى سۇغۇرۇپ تاشلىغاندەك تولغىناتتى.

تولغىما

  • تولغىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولغاپ ياسالغان، تولغانغان:[مىسال:] تولغىما يۈز. تولغىما ئۇسسۇل.

تولغىماچ

  • تولغىماچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولغىشىپ كەتكەن، ئەگرى:[مىسال:] 30 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال چىغىرىقتەك تولغىماچ سول پۇتىنى تەسلىكتە يۆتكەپ، ئاستا كېتىپ باراتتى.

تولغىماق

  • تولغىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر تەرىپى، بىر بېشىدىن تۇتۇپ ئايلاندۇرماق، بۇرىماق:[مىسال:] ھېكايىنى باشلاشتىن ئاۋۋالقى سۆزۈمنى مۇشۇنداق باشلىۋىدىم، شوپۇرۇم قاقاقلاپ كۈلۈپ، رولنى تەتۈر تولغىۋەتكىلى تاس قالدى.[يەشمىسى:] ② ئەشمەك، تۇتۇپ بىر تەرەپكە ئايلاندۇرماق، تولىماق:[مىسال:] ئۇماچ ئىچىپ چىش كولاپتۇ، مۇز يالاپ بۇرۇت تولغاپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ③ ئۇ يان-بۇ يانغا ئېگىپ، ئايلاندۇرۇپ ھەرىكەتلەندۈرمەك:[مىسال:] نەغمە-ناۋا دېگەن بولۇپ تۇرغان، ئۇسسۇلچىلار بېلىنى تولغاپ ئويناپ تۇرغان.[يەشمىسى:] ④ مەلۇم بىر تەرەپكە ئايلاندۇرۇپ قاراتماق، چۆرىمەك:[مىسال:] دوختۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ لۇتپۇللا بىلەن بىللە كەلگەن ھېلىقى «زىيالىي» بوينىنى تولغىدى-دە، نېرى كەتتى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاتتىق مۇجۇپ ئاغرىماق (قورساق ھەققىدە):[مىسال:] قورسىقىم پات-پاتلا تولغاپ ئاغرىپ قالاتتى.

تولماق

  • تولماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۆل، تاغار، قاچا قاتارلىقلارنىڭ ئىچىگە بوش يېرى قالماي قاچىلانماق، توشقۇزۇلماق:[مىسال:] «قىزىل بۇرۇن» يانچۇقىنىڭ تاراقلاپ تۇرغان پۇللار بىلەن لىق تولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى.[يەشمىسى:] ② ئورۇن، مەيدان قاتارلىقلارنىڭ ھەممە يېرى تولۇق ئىگىلەنمەك، توشۇپ كەتمەك:[مىسال:] ئىشخانا ئالدى بۇ ئىشقا قىزىققان ئەزالار بىلەن تولدى.[يەشمىسى:] ③ ئورۇن، بوشلۇق قاتارلىقلار مەلۇم بىر خىل ھالەت بىلەن پۈركەلمەك، قاپلانماق:[مىسال:] مەتكېرەم دىلبەرنىڭ ئىسمىنى چاقىرغاندا، زال ئىچى بىرپەس جىمىپلا يەنە پىچىرلاشلار بىلەن تولدى.[يەشمىسى:] ④ يىغىلىپ تاشماق، توشۇپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ ئاجىزلارنىڭ كۆزىگە ئوخشاپ كېتىدىغان كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولغانىدى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھېس-تۇيغۇ، غەم-قايغۇ، ئۈمىد قاتارلىقلار ئۇلغىيىپ تاشماق:[مىسال:] مەن ئۈنسىز ياش تۆكەتتىم، كۆڭلۈمگە بىھېساب دەرد-ئەلەم تولغانىدى.[يەشمىسى:] ⑥ تولۇق، يېتەرلىك دەرىجىدە ئىگە بولماق، يېتىشمەك:[مىسال:] ئادەم 30 ياشقا كىرگەندە ئەقىلگە تولۇپ، تۈلكىگە ئوخشاش ھەرقانداق نەرسىنى بىلىدۇ.[يەشمىسى:] ⑦ ئۆسۈپ مەلۇم ياشقا يەتمەك:[مىسال:] قانۇندا، سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىنغان كىشىلەردىن باشقا، يېشى 18 گە تولغان ھەممە پۇقرانىڭ سايلاش، سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەن.[يەشمىسى:] ⑧ تولۇقلانماق، توشماق:[مىسال:] سونۇر خىيال سۈرۈپ قالدى:[مىسال:] «ناھايىتى ئون كۈنلا قومۇش ساتسا، كەم ئاقچىسى تولاتتى، خەپ، مۇنۇ ئايالنىڭ بەسلىشىۋاتقىنىنى قارىمامدىغان».

تولۇق

  • تولۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولغان، بوش ئورۇن قالمىغان:[مىسال:] نەگىلا باقسام زىرائەتلەر بەلەن، بولۇق ئىكەن. جۈپ باشاق ھەر تۈپ قوناقتا، دانلىرى تولۇق ئىكەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سەمرىپ توشقان، يېتىشكەن:[مىسال:] ئۇنىڭ ئاپئاق يۈزى ۋە تولۇق كەلگەن قامىتى يېڭى ئېچىل?膣※锄铭※?بىر تال غۇنچىنى ئەسلىتەتتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېتەرلىك، مۇكەممەل، كەم ئەمەس:[مىسال:] ئۇ ھازىر خېلى تولۇق ماتېرىياللارغا ۋە ئاساسلارغا ئىگە.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئەتراپلىق، تامامەن:[مىسال:] سەن تولۇق ھەقلىقسەن، كەچۈرگىن مېنى، كاتە.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كەم-كۈتىسىز، بىرەر بۆلىكى چۈشۈپ قالمىغان ياكى قىسقارمىغان ھالدا:[مىسال:] زۇنۇن قادىرنىڭ بەدىئىي تەسۋىرلىرىدە بۇ خىل خۇسۇسىيەتلەر تولۇق تېپىلىدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىرىمۇ قالماي، ھەممەيلەن:[مىسال:] دۈشمەن سايغا تولۇق كىرىپ بولمىغۇچە ئوق چىقىرىشقا رۇخسەت يوق. ھۇجۇم بۇيرۇق بىلەن باشلىنىدۇ[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇكەممەل، يۇقىرى دەرىجىلىك:[مىسال:] گۈلسۈمخان ئاچىنىڭ ئوغلى بولسا تولۇق ئوتتۇرا مەلۇماتقا ئىگە دېھقان يىگىت ئىدى.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ

  • تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ[يەشمىسى:] ئون ئىككى يىللىق مائارىپنىڭ يۇقىرى يىللىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمدە ئالىي مەكتەپ ئۈچۈن ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپ.

تولۇقسىز

  • تولۇقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولۇق، مۇكەممەل، بىر پۈتۈن بولمىغان؛ تولۇق ئەمەس:[مىسال:] ئوت قويدى شۇ چاغ بىرى تۇيۇقسىز، بىلدىم، چارلىشىم ئىكەن تولۇقسىز.

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ

  • تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ[يەشمىسى:] ئون ئىككى يىللىق مائارىپنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپ.

تولۇقلاتماق

  • تولۇقلاتماق[يەشمىسى:] «تولۇقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دۈي مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، ئەزالارغا ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئىشلىتىدىغان تېرىلغۇ سايمانلىرىنى تولۇقلاتتى.

تولۇقلاشماق

  • تولۇقلاشماق[يەشمىسى:] «تولۇقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] جەڭچىلەر دەرھال ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، يولغا چىقىپ، ئۆز قىسىملىرىنىڭ قاتارىنى تولۇقلاشتى.

تولۇقلانما

  • تولۇقلانما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تولۇقلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ۋە سەرپ قىلىنىدىغان قىسمى.

تولۇقلانماق

  • تولۇقلانماق[يەشمىسى:] «تولۇقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ناھىيە بويىچە ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى تولۇقلاندى.

تولۇقلىغۇچى

  • تولۇقلىغۇچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولۇقلايدىغان، تولۇقلاش رولىنى ئوينايدىغان:[مىسال:] ئۇلار دۆلەت سودىسىنىڭ كۈچلۈك ياردەمچىسى ۋە مۇھىم تولۇقلىغۇچى ئامىلى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئانتىتېلالارنىڭ كېسەل مىكروبلىرىنى ئۆلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغان قان زەردابىدىكى خىمىيىۋى ماددا.

تولۇقلىما

  • تولۇقلىما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولۇقلاش، تولدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، سەرپ قىلىنىدىغان:[مىسال:] بەزى مەھسۇلاتلارنى قېرىنداش ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونلار بىلەن، ھەتتا چەت ئەللەر بىلەن تولۇقلىما سودا قىلىشقا، شېرىكلىشىپ باشقۇرۇشقا بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تولۇقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن نەرسە:[مىسال:] دېھقانلارنىڭ ئائىلە ئىگىلىكى كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ تولۇقلىمىسى.

تولۇقلىماق

  • تولۇقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تولۇق، مۇكەممەل، پۈتۈن ھالەتكە كەلتۈرمەك؛ تولدۇرماق، مۇكەممەللەشتۈرمەك:[مىسال:] سەيدىخان ئاچا ئانچە-مۇنچە گەپ قىستۇرۇپ، بوۋىيىنىڭ گېپىنى تولۇقلاپ تۇردى.

تولۇن

  • تولۇن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولغان، تولۇق شەكىل ئالغان:[مىسال:] تولۇن ئاي.

تولۇئول

  • تولۇئول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى C6 H5 CH3. رەڭسىز سۇيۇقلۇق، تاشكۆمۈر مېيىدىن ئاجرىتىپ ئېلىنىدۇ. پارتلىغۇچ دورا، بوياق، پۇراقلىق ماتېرىيال ۋە ساخارىن قاتارلىقلارنى ئىشلەشكە ماتېرىيال قىلىنىدۇ. ئۇ مېتال بېنزول دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تولۋۇر

  • تولۋۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆمۈرچىلىكتە، تۆشۈك تېشىلىدىغان تۆمۈرنىڭ ئاستىغا قويىدىغان تۆشۈكلۈك ياپىلاق تۆمۈر.

تولىلىق

  • تولىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىقلىق، كۆپلۈك:[مىسال:] بۇ يىل بازاردىكى يەل-يېمىشنىڭ تولىلىقىدىن كىشى ھەيران قالىدۇ.

تولىلىماق

  • تولىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاۋۇماق، كۆپەيمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ گېپى تولىلاپ كەتتى.

تولىما

  • تولىما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىنچىكە يىپتا توقۇلغان سىپتا ماتا:[مىسال:] تولىما توقۇماق.

تولىماق

  • تولىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەشمەك، پىششىقلىماق:[مىسال:] يىپ تولىماق. * ساقالنى ئۆچكە چۇپۇرىغا ئوخشاش ئارغامچا تولاپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.

تومⅠ

  • تومⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① توغرا كەسمىسى، ئايلانمىسى چوڭ (ياغاچ، ئارغامچا، يىپ قاتارلىق بويلام نەرسىلەر ھەققىدە):[مىسال:] دېرىزىنىڭ سىرتىغا توم پولات زىخچىلاردىن قىلىنغا پەنجىرە قويۇلغان بولۇپ، ھازىر ھېچ نەرسە بۇزۇلمىغانىدى.[يەشمىسى:] ② قېلىن، چوڭ:[مىسال:] توم كىتاب. توم نان. * ئۇ يۈرىكىنى توم قىلىپ، ئاستا كۆزىنى ئاچتى.[يەشمىسى:] ③ كۈچلۈك، يوغان (ئاۋاز ھەققىدە):[مىسال:] توم ئاۋاز.

تومⅡ

  • تومⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] بىرقانچە كىتاب قىلىپ تۈپلەنگەن ئەسەر، ھۆججەت، ماتېرىياللارنىڭ ھەربىر كىتابى، جىلد.

توما

  • توما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇ ئامبىرى، دەريا، ئۆستەڭلەردە سۇنى بەلگىلىك مىقداردا بىرقانچە لىنىيىلەرگە تەقسىم قىلىپ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان قاپقىلىق توسما.

توماتقۇ

  • توماتقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] «بۆك»كە قاراڭ.

تومبالقا

  • تومبالقا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوپال:[مىسال:] كىمىڭنى ئەخمەق قىلىسەن، تومبالقا، دەپ نادەمنىڭ باش-كۆزىگە بىر نەچچىنى ئۇرۇۋەتتى سەمەت ئاچچىقى كېلىپ.

تومبالقىلىق

  • تومبالقىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوپاللىق:[مىسال:] تومبالقىلىق قىلماق.

تومبۇك

  • تومبۇك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ناغرا، دۇمباق.

تومبۇلاق

  • تومبۇلاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دۇمىلاق ۋە سېمىز.

تومپاي

  • تومپاي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قورساق، بەدەنلىرى تومپايغان، سەمرىپ كەتكەن:[مىسال:] مېنى دەسسىمەكچى بولغان شاپ بۇرۇت، قاپقارا، تومپاي بىر كىشىنى بۆلەك ئىككى ئادەمنىڭ چىڭ قۇچاقلاپ تۇتۇۋالغانلىقىنى كۆردۈم.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قارا قورساق، ساۋاتسىز، بىلىمسىز:[مىسال:] بىز ئاددىي، تومپاي ئادەملەر، گەپلىرىمىزنى ئېغىر ئالمىسىلا. ∥ تېخى ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ قوپاللىقىچۇ دەپ سۆز قىستۇردى ئىككىنچىسى، نەدىكى سەھرالىق تومپايلارنىڭ گەپلىرى.

تومپايتماق

  • تومپايتماق[يەشمىسى:] «تومپايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سىز سالامەت، قورسىقىڭىزنى تومپايتىپ يۈرسىڭىز مەن كېسەللىكتە ئۆلسەم بولاتتىمۇ

تومپايلىق

  • تومپايلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تومپاي ھالەت.[يەشمىسى:] ② قارا قورساقلىق، ساۋاتسىزلىق، بىلىمسىزلىك.

تومپايماق

  • تومپايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىششىپ، كۆتۈرۈلۈپ چىقماق؛ دومبايماق؛ يوغىنىماق:[مىسال:] شەۋكەت دۇدۇقلىغىنىچە ئانىسىنىڭ تومپىيىپ تۇرغان قورسىقىغا بىردەم تىكىلىپ تۇردى-دە، خىجالەتمەن قىياپەتتە يەرگە قارىدى.

تومپۇچكا

  • تومپۇچكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كىچىك، پەس ئىشكاپ.

تومپۇر

  • تومپۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆشۈكى يوق، تەڭگە شەكىللىك مىس پۇل.

تومپىيىشماق

  • تومپىيىشماق[يەشمىسى:] «تومپايماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تومتاق

  • تومتاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قىسقا ۋە توم:[مىسال:] ناسىر ئاق داكىدا قاتتىق ئوراپ تېڭىلغان بېشىنى ئېيىقنىڭ تاپىنىغا ئوخشايدىغان تومتاق ئالىقانلىرى بىلەن ئاۋايلاپ سىلاپ قويدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باش-ئايىغى يوق، مۈجمەل، چۈشىنىكسىز:[مىسال:] دادا توختىغىنا، مەتۋاقى شۇجى تومتاقلا ئۇنداق دېمىگەندۇ؟

تومتاقلىق

  • تومتاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چۈشىنىكسىزلىك، مۈجمەللىك.

تومتاياق

  • تومتاياق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]توم+تاياق[[يەشمىسى:] يارامسىز، كېرەكسىز؛ مەنپەئەتسىز:[مىسال:] ئوڭ ئاياغ، سول ئاياغ، بىزنى قىلدىڭ تومتاياق (ماقال).

توملاشماق

  • توملاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەدرىجىي توم ھالەتكە كەلمەك، توم بولماق:[مىسال:] زىيانغا ئۇچرىغان مايسىنىڭ غولى توملىشىپ ئېگىلىپ كېتىدۇ، يوپۇرماقلىرى سولىشىدۇ.

توملۇقⅠ

  • توملۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توم ھالەت:[مىسال:] ئادەمنىڭ يوتىسىدەك توملۇقتىكى بىرنەچچە تۈپتىن سۇۋادان تېرەك ئاپئاق قارغا چۆمۈلۈپ، قىشلىق ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتاتتى.

توملۇقⅡ

  • توملۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرقانچە تومدىن ئىبارەت بولغان، بىرقانچە توم قىلىپ تۈزۈلگەن:[مىسال:] بىز «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» نى ئالتە توملۇق قىلىپ تۈزۈپ چىقتۇق.

توملىماق

  • توملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] توم ھالەتكە كەلتۈرمەك، توم قىلماق:[مىسال:] تۆمۈرنى قايتا قىزدۇرۇپ، بىر ئاز توملاڭلار.

تومنان

  • تومنان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاق نان.

تومۇر

  • تومۇر[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] قان سۇيۇقلۇقى ئادەم بەدىنىدە ئايلىنىش داۋامىدا ئۆتىدىغان نەيچىسىمان توقۇلما، ئورگان. ئۇ ئارتېرىيە، ۋېنا، قىل قان تومۇر قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ:[مىسال:] ئۆرلەپ چىققان چېكە تومۇرلىرى ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى كۆرسىتەتتى.[يەشمىسى:] ② يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىدە قاننىڭ تېپىشى، تومۇرنىڭ سوقۇشى:[مىسال:] تومۇرى پەس.[يەشمىسى:] ③ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقى ۋە ھاشاراتلارنىڭ قانىتىدىكى شاخسىمان توقۇلمىلار:[مىسال:] يوپۇرماقنىڭ تومۇرى.[يەشمىسى:] ④ تاغ ۋە يەر ئاستى كانلىرىدىكى، يەر قاتلام يۆنىلىشلىرىنىڭ گىرەلىشىپ تۇتىشىشىدىن ھاسىل بولغان غول سىزىق:[مىسال:] لېكىن بىز تېخنىكىنى ياخشى ئىگىلەپ ئالالمىدۇقمۇ ياكى كاننىڭ تومۇرىنى تاپالمىدۇقمۇ، ھېچكىمگە بىرنەرسە ئۇچرىمىدى.[يەشمىسى:] ⑤ ئەسلى، يىلتىز:[مىسال:] يىلتىزلىرى بىر، تومۇرلىرى بىر، تاغلاردا ئۆسكەن مىليون دەرەخنىڭ؛ تېپىشلىرى بىر، سوقۇشلىرى بىر قۇياشقا باققان مىليون يۈرەكنىڭ.[يەشمىسى:] ⑥ ئاساس، غول:[مىسال:] سانسىز تاغ جىلغىلىرىدىكى سۇ دەريا، ئېرىق-ئۆستەڭ ئارقىلىق پايانسىز باغۇبوستانلىق يېزىلارنىڭ تومۇرلىرىغا قۇيۇلىدۇ.[يەشمىسى:] ⑦ [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] سۆزنىڭ يىلتىز قىسمى، ئاساسىي قىسمى:[مىسال:] سۆز تومۇرى.

تومۇرچى

  • تومۇرچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تومۇر تۇتۇش ئارقىلىق كېسەلنى تەكشۈرۈپ داۋالىغۇچى تېۋىپ، دوختۇر:[مىسال:] بىزنىڭ مەھەللىدە بىر تومۇرچى بار ئىدى، تومۇرنى تۇتۇپ، كۆز-قۇلاققا قاراپلا كېسەلنى تاپاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ مىجەزى، پوزىتسىيىسىگە قاراپ ئىش قىلغۇچى:[مىسال:] لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ناھايىتى تومۇرچى بالىلار بار ئىدى.

تومۇرچىلىق

  • تومۇرچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈش ۋە شۇنداق كەسىپ.

تومۇرداش

  • تومۇرداش[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىلتىزى، تومۇرى تۇتاش؛ تومۇرى بىر:[مىسال:] ئۆمۈرنىڭ قىممىتى مېھنەت، ئىجاد مېھنەتكە يولداشتۇر. پېشانەڭدىن تۆكۈلگەن تەر، يۈرەك بىرلە تومۇرداشتۇر. * ھەممىمىز تومۇرداش، قان-قېرىنداشمىز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىلتىزداش، بىر يىلتىزدىن ياسالغان:[مىسال:] تومۇرداش سۆز.

تومۇرداشلىق

  • تومۇرداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر يىلتىز، بىر تومۇردىن ياسالغانلىق، تومۇرى ئوخشاشلىق:[مىسال:] بۇ ئىككى سۆزنىڭ تومۇرداشلىقى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇرمامدۇ

تومۇردان

  • تومۇردان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى سېرىق، مېۋىسىنىڭ رەڭگى قارا بولۇپ، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ، نەملىكنى ھەيدەش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش رولىغا ئىگە.

تومۇرلۇق

  • تومۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تومۇرى بار، تومۇردىن تەركىب تاپقان:[مىسال:] تومۇرلۇق پەردە. * ئۇنىڭ قىزىل تومۇرلۇق پاقا كۆزلىرى ئەمەتكە تىكىلدى.

تومۇز

  • تومۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئەڭ ئىسسىق بولغان 6-ۋە 8-ئاي ئارىلىقىدىكى مەزگىل.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] 24 مەۋسۇمنىڭ بىرى بولۇپ، 7-ئاينىڭ 22-، 23-ياكى 24-كۈنلىرى.

تومۇزغا

  • تومۇزغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. تۈرى كۆپ، ئەركىكىنىڭ قورساق قىسمىدا ئاۋاز چىقىرىش ئورگىنى بولۇپ، شۇ ئورگان ئارقىلىق داۋاملىق ئىنچىكە، يۇقىرى ئاۋاز چىقىرىپ، چىرىلداپ تۇرىدۇ؛ چىشىسى ئاۋاز چىقارمايدۇ، لېكىن قورساق قىسمىدا ئاڭلاش ئورگىنى بولىدۇ؛ توپىنىڭ ئاستىدا ياشايدۇ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزىدىن ئوزۇقلىنىدۇ.

تومىلىماق

  • تومىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چانىماق.

تونⅠ

  • تونⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] تاۋۇشنىڭ ئېگىز ياكى پەسلىكى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] خەنزۇ يېزىقىدىكى ھەربىر خەتنىڭ ئوقۇلۇشىدىكى ئاھاڭنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى.

تون بەلگىسى

  • تون بەلگىسى[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] بوغۇمنىڭ تون تۈرىنى بىلدۈرگۈچى بەلگە. «خەنزۇ تىلى پىنيىن لايىھىسى»دە" - , /, v , \" چى دىن ئىبارەت تون بەلگىلىرى كۆرسىتىلگەن. «-» يۇقىرى تۈز توننى، «/» يۇقىرى ئۆرلىگۈچى توننى، «v» تۆۋەنلەپ ئۆرلىگۈچى توننى، «\» تۆۋەنلىگۈچى توننى بىلدۈرىدۇ. يېنىك تونغا بەلگە قويۇلمايدۇ.

تونⅡ

  • تونⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالدى ئوچۇق، تۈز ياقىلىق، ئۇزۇن سىرتقى كىيىم.

تونا

  • تونا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئازادى دەرىخى ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى خۇشبۇي پۇرايدۇ، يېگىلى بولىدۇ.

تونچە

  • تونچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياقىسى تونغا ئوخشاش ئويۇلۇپ، تۈز تىكىلگەن:[مىسال:] تونچە چاپان، تونچە جۇۋا. تونچە ياقا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇشۇنداق شەكىلدە تىكىلگەن چاپان.

تونسىزⅠ

  • تونسىزⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تونى يوق:[مىسال:] تونسىز تىللار.

تونسىزⅡ

  • تونسىزⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تونى يوق، تون كىيمىگەن:[مىسال:] تونلۇققا كۆپ سوغۇق، تونسىزغا ئاز سوغۇق (ماقال).

تونلۇق

  • تونلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تونى بار، تون كىيگەن:[مىسال:] دەل شۇ چاغدا ئاق تۇماق كىيگەن، بەقەسەم تونلۇق بىر ئادەم مەيدانغا سەكرەپ چۈشۈپتۇ. ∥ توي-تونلۇقنىڭ، ھېيت-ئاتلىقنىڭ (ماقال).[يەشمىسى:] ② تون تىكىشكە باب، لايىق، يېتەرلىك:[مىسال:] مەن ئىككى تونلۇق رەخت سېتىۋالدىم.

توننا

  • توننا[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] مىڭ كىلوگرامغا تەڭ ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى:[مىسال:] ئۇ ھېسابلاپ كۆردى. ھەرقانچە قىلىپمۇ تۆت-بەش توننا چويۇن يىغقىلى بولمايتتى.

تونناژ

  • تونناژ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] پاراخوت، كېمە قاتارلىق قاتناش قوراللىرىنىڭ توننا بىلەن ئىپادىلەنگەن يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارى.

تونناژلىق

  • تونناژلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تونناژ مىقداردىكى:[مىسال:] يۈز تونناژلىق پاراخوت.

توننىلىق

  • توننىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① توننا ئېغىرلىقىدىكى:[مىسال:] ئالدىدا تۇرغان قىزنىڭ بىر توننىلىق بازغاندا ئىشلەۋاتقىنى ئۇنى خېلىلا تاڭ قالدۇرغانىدى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم توننا يۈك سىغىدىغان ياكى كۆتۈرەلەيدىغان:[مىسال:] تۆت توننىلىق ئاپتوموبىل.

توننىلىماق

  • توننىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر توننا، بىر توننا قىلىپ ئايرىماق.

تونۇتماق

  • تونۇتماق[يەشمىسى:] ① «تونۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قاتناشقىنىڭ ياخشى بولدى. ساڭا ھەممىنى تونۇتماقچى بولغان پەرىزاتنىمۇ كۆردۈڭ.[يەشمىسى:] ② قانداقلىقىنى كۆرسەتمەك، تېتىتماق:[مىسال:] بىر ھەربىيگە مەپىنىڭ بىر ئېتىنى سېتىۋېدىم. يا پۇلنى بېرەي دېمەيدۇ، ئەمدى بەرمەيدىغان بولسا، ئۆزۈمنى بىر تونۇتۇپ قويمىسام.

تونۇر

  • تونۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىچىگە ئوت يېقىپ قىزدۇرۇپ، نان ياقىدىغان، شور ياكى ئوتقا چىداملىق سېغىز، خىشتىن يېرىم شار شەكلىدە ياسالغان ئوچاق.

تونۇش

  • تونۇش[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىلىش، چۈشىنىش:[مىسال:] بۇ بالىنىڭ ھەرپلەرنى تونۇشى ۋە كۆچۈرۈپ يېزىشى ياخشى ئىكەن.[يەشمىسى:] ② ئەسلەش، يادىغا كەلتۈرۈش:[مىسال:] مەن ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قاراپ ئەمدىلا تونۇشۇمغا، ئۇ ھەيرانلىق بىلەن مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇرۇندىن تارتىپ بىلىدىغان، كۆرگەن؛ ئۇنىڭغا بۇرۇندىن مەلۇم بولغان:[مىسال:] ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا، ئىككىنچى تونۇش كىشى قولۇمنى قىستى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر شەيئى ياكى مەسىلىگە قارىتا شەكىللەندۈرگەن مۇئەييەن قاراش، پىكىر، ئوي:[مىسال:] زاۋۇت پارتكومىنىڭ ئەزالىرى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈردى.

تونۇش-بىلىش

  • تونۇش-بىلىش[يەشمىسى:] تونۇشىدىغان، بىلىشىدىغان كىشى؛ ئاغىنە:[مىسال:] تونۇش-بىلىشلەر يەنە بىر قېتىم ئۆزئارا ھال-ئەھۋال سوراشتى.

تونۇشتۇرغۇچى

  • تونۇشتۇرغۇچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تونۇشتۇرىدىغان:[مىسال:] ئېكسكۇرسىيە ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغۇچى پېشقەدەم ئىشچى سەھنىگە چىقىشى بىلەن ھەممە چاۋاك چالدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىراۋنى بىرەر تەشكىلات ياكى مەلۇم بىر كىشىگە لاياقەتلىك دەپ مەلۇم قىلغۇچى كىشى:[مىسال:] ھېچكىم تونۇشتۇرغۇچىسى بولمىغان ھالدا بىرەر تەشكىلاتقا كىرگىلى بولمايدۇ.

تونۇشتۇرماق

  • تونۇشتۇرماق[يەشمىسى:] ① «تونۇشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] لۇتپۇللا ئەغزەمنى تۇرغانغا تونۇشتۇردى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم بىر كىشى ياكى مەلۇم بىر ئىش توغرىسىدىكى تەسىراتى، قارىشىنى سۆزلەپ بەرمەك ياكى يازما ئىپادىلىمەك:[مىسال:] ئاگرانوم دېھقانلارغا ھەر خىل ئوغۇتنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇردى.[يەشمىسى:] ③ بىراۋنى بىرەر تەشكىلات ياكى مەلۇم بىر كىشىگە لاياقەتلىك دەپ مەلۇم قىلماق:[مىسال:] يەر ئىسلاھاتىدا ئەبەيدۇللا ئايشەمخان ھەدىنىڭ يولدىشى سابىرنى پارتىيىگە تونۇشتۇرغانىدى.

تونۇشتۇرۇش

  • تونۇشتۇرۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر كىشى ياكى نەرسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى قىسقىچە بايان، ئىزاھات:[مىسال:] بۇ تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يولۇچىلار بۇ ئۇيغۇر قىزىغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن قاراشتى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم بىر كىشىنىڭ قايسى ئورۇندىن ئىكەنلىكى ۋە سالاھىيىتى تونۇشتۇرۇلۇپ يېزىلغان ئىسپات خەت:[مىسال:] تونۇشتۇرۇش ئالماق. تونۇشتۇرۇش يازدۇرماق.

تونۇشتۇرۇلما

  • تونۇشتۇرۇلما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر شەخس ياكى ئۇنىڭ كىتابى تونۇشتۇرۇپ يېزىلغان ماقالە، ئەسەر:[مىسال:] بەزى ئالىملار فارابى ئەسەرلىرىنىڭ ھەر خىل يېزىقتىكى نۇسخىلىرى، ساقلانغان ئورنى ۋە مەزمۇنىنىڭ رەسمىي تونۇشتۇرۇلمىسىنى ئىشلەپ چىقتى.

تونۇشتۇرۇلماق

  • تونۇشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تونۇشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] جەنۇبىي شىنجاڭغا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ئۈچۈن ماڭغان ئالتە پىدائىيمۇ قىزلارغا تونۇشتۇرۇلدى.

تونۇشسىز

  • تونۇشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تونۇش بولمىغان، تونۇمايدىغان، ناتونۇش:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ مىغ-مىغ كىشى بار بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر ھەپتىنى ھېچبىر تونۇشسىز ئۆتكۈزدۈم.

تونۇشلۇق

  • تونۇشلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تونۇيدىغان، بىلىدىغان، تونۇش:[مىسال:] زەيتۇنىنىڭ ئاتىسى مۇشۇ ئەتراپتا، ھەممىگە تونۇشلۇق، ماھىر خالۋاپلارنىڭ بىرى ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تونۇش-بىلىشلەرنىڭ ئۆزئارا يېقىنلىق مۇناسىۋىتى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ تونۇشلۇقى ئەنە شۇنچىلىكلا ئىدى.

تونۇشماق

  • تونۇشماق[يەشمىسى:] ① «تونۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى سىرتقى يۇرتقا كەتكەن تۇغقانلىرىمىز مېنى بىر قاراش بىلەنلا تونۇشمىدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر كىشى بىلەن ئۆزئارا تونۇش بولماق، بىر-بىرىنى تونۇۋالماق، بىلىۋالماق:[مىسال:] بىز شۇ سائەتتىن باشلاپ بىر-بىرىمىز بىلەن تونۇشۇپ، گويا بىر ئانىدىن توغۇلغان قېرىنداشلاردەك بولۇپ كەتتۇق.[يەشمىسى:] ③ بىلمەك، چۈشەنمەك، خەۋەردار بولماق:[مىسال:] ئەپەندىم زاۋۇت ئىشچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشتى.[يەشمىسى:] ④ تەپسىلىي كۆرۈپ چىقماق، ئۆگەنمەك:[مىسال:] لۇتپۇللا بىر قىسىم ئۇيغۇر، تاتار يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەنمۇ تونۇشۇپ چىقتى.

تونۇغۇسىز

  • تونۇغۇسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تونۇغىلى بولمايدىغان، تونۇۋېلىش مۇمكىن بولمايدىغان:[مىسال:] دومىلاپ چۈشكەن ئېغىر تۇڭ ئوغرىنىڭ كاللىسىنى تونۇغۇسىز ھالدا ئېزىپ مىجىقىنى چىقىرىۋەتتى.

تونۇلماق

  • تونۇلماق[يەشمىسى:] ① «تونۇماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھەرقانچە گىرىم قىلسىمۇ، پېشانىسىدىكى تارتۇقتىن تونۇلۇپ قاپتۇ.[يەشمىسى:] ② نام چىقارماق، مەشھۇر بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئۇ دوختۇرخانىغا كېلىپ، بىر ھەپتە ئۆتە-ئۆتمەيلا بىرەر يۈز كىشىنىڭ ھەممىسىگە تونۇلدى.

تونۇماق

  • تونۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۆزىگە تونۇشلۇق كىشى ياكى نەرسىنى كۆرۈنۈشىدىن ياكى مەلۇم بەلگىسىدىن بىلىۋالماق:[مىسال:] بېخىل باي بولسا، ئانىسىنى تونۇماس (ماقال). * سىز پرىستاندىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى تونۇيسىز.[يەشمىسى:] ② بىلمەك، ئۇقماق:[مىسال:] بىز تەجرىبە-ساۋاقلاردىن بىرلىك مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش بىلەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى بىرلەشتۈرۈش زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتتۇق.[يەشمىسى:] ③ ئۆز ئۈستىگە ئالماق، ئىقرار قىلماق:[مىسال:] سىز دەرھال خاتالىقىڭىزنى تونۇپ، سۇلايمان بىلەن ناماننى پاش قىلىڭ، مەسىلىڭىزنى تولۇق تاپشۇرۇپ، خاتالىقىڭىزنى تونۇسىڭىزلا بولدى.[يەشمىسى:] ④ بىلمەك، پەرقلەندۈرمەك:[مىسال:] ياخشى مالنى تونۇشقا كۆز كېرەك، ناچار مالنى سېتىشقا سۆز كېرەك (ماقال). * ئابىدەم بوسۇغىدا تۇرغان بۇ ئادەمنىڭ چىرايىنى پەرق ئېتەلمىگەن بولسىمۇ، ئاۋازىدىن ئۇنىڭ سابىر ئىكەنلىكىنى تونۇدى.

تونىل

  • تونىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] تاغ ئىچىدىن ياكى يەر ئاستىدىن تېشىپ ئېلىنغان يول، تەشمە؛ ئۆتۈشمە.

توۋا

  • توۋا[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، ئۇنى تەكرارلىماسلىق ئۈچۈن بېرىلگەن ۋەدە ياكى سورالغان ئۆزرە:[مىسال:] سەدىقە بالانى يەر توۋا گۇناھنى يەر. (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] تەئەججۈپلىنىش، ھەيران قېلىشنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] توۋا دېدى خەلچەم غۇدۇراپ، نېمانچە خۇيلىنىش، بىر ئۆي دېگەندە ھەركۈنى بەتتە پولۇ قايناۋەرمەيدۇ.

توۋا-ئىستىغپار

  • توۋا-ئىستىغپار[يەشمىسى:] قىلمىشى ۋە گۇناھىغا قىلىنغان توۋا ۋە سورالغان كەچۈرۈم، مەغپىرەتنى تەلەپ قىلىپ ئېيتىلغان مۇناجات، دۇئا:[مىسال:] توۋا-ئىستىغپار ئوقۇماق. توۋا-ئىستىغپار قىلماق.

توۋرا

  • توۋرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئات-ئۇلاغلارنىڭ تومشۇقىنى كىرگۈزۈپ، بېشىغا ئېسىپ، بوغۇز بېرىدىغان باغلىق خالتا.

توۋلاتماق

  • توۋلاتماق[يەشمىسى:] «توۋلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ۋاي قىزىم، ئۇكاڭنى توۋلاتمىساڭچۇ دېدى ئۇنىڭغا ئاتىسى.

توۋلاشماق

  • توۋلاشماق[يەشمىسى:] ① «توۋلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] چېرىكلەر يالاڭ قىلىچنىڭ پاينىكى بىلەن سول بىلىكىدىكى قالقاننى ئۇرۇپ:[مىسال:] ئامان-ئامان دەپ تەڭ ئاۋاز بىلەن توۋلىشاتتى.[يەشمىسى:] ② ۋارقىراپ-جارقىراپ جېدەللەشمەك، جاڭجاللاشماق، ئۇرۇشماق:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ، ئۇلار بىر-بىرى بىلەن توۋلىشىپ قالدى.

توۋلانماق

  • توۋلانماق[يەشمىسى:] «توۋلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قۇلاقنىڭ پەردىلىرىنى يىرتقۇدەك كۈچلۈك ئاۋازدا توۋلانغان كوچا ناخشىلىرى باشلىنىپ كەتتى.

توۋلىماق

  • توۋلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① خېلى يىراقتىكى كىشىلەرمۇ ئاڭلىغۇدەك قىلىپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئېيتماق؛ ۋارقىرىماق:[مىسال:] ساۋاقدىشى مۇختەر ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كەلدى-دە: مېنىڭ، مېنىڭ پۇلۇم چۈشۈپ قاپتۇ، دەپ توۋلىدى. * ئۇ، ئۆزىدىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان سەلىمىنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ، بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى-دە: سەلىمە، سەلىمە، دەپ توۋلىدى.[يەشمىسى:] ② داد-پەرياد سالماق، ۋارقىرىماق:[مىسال:] باي شوتىدىن يىقىلغىلى تاس قاپتۇ ۋە ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ توۋلاپتۇ.

توۋىنامە

  • توۋىنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]توۋا+نامە[[يەشمىسى:] قىلمىشىغا ۋەگۇناھىغا پۇشايمان ياكى توۋا قىلىپ، قايتىلىماسلىق ئۈچۈن ۋەدە بېرىپ يېزىلغان تىلخەت:[مىسال:] بۇ ئارتۇر تۇغۇلۇشىدىن تۆت ئاي ئىلگىرى يېزىلغان، ئانىسىنىڭ ئېرىگە يازغان توۋىنامىسى بولۇپ، ئاستىدا ئىككى كىشىنىڭ ئىمزاسى بار ئىدى.

توي

  • توي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۇرمۇش قۇرغانلار شەرىپىگە مېھمان چاقىرىپ، زىياپەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان تەبرىكلەش مۇراسىمى:[مىسال:] تويدىن يامانلىساڭ، توي قىلىپ كۆر (ماقال). * توي دېگەن بىزدە خۇشاللىق، خاتىرجەملىك، بەخت-ئاسايىشلىقنىڭ بەلگىسى.[يەشمىسى:] ② بىرەر تارىخىي ۋەقە ياكى خاتىرە كۈنگە بېغىشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەت، تەنتەنىلىك مۇراسىم:[مىسال:] ئۇلۇغۋار سەن باتۇر ئارمىيەم، تەبرىكلەيمەن قۇتلۇق تويۇڭنى. چەكسىز ھۆرمەت ئىپتىخار بىلەن، تەقدىم ئەتتىم مۇشۇ كۈيۈمنى.[يەشمىسى:] ③ شاد-خۇراملىققا تولغان مەرىكە، بەزمە:[مىسال:] «ئاتنىڭ ئۆلۈمى ئىتقا توي» دېگەن شۇ ئىكەن-دە، سەن ھەيدەرئاكا بەش كۈنگىچە يېڭى ئۆيگە كۆچىسەن

توي-تاماشا

  • توي-تاماشا[يەشمىسى:] توي ۋە تۈرلۈك ئويۇن-كۈلكە، بەزمە، مەشرەپ قاتارلىق تاماشىلار.

توي-تۆكۈن

  • توي-تۆكۈن[يەشمىسى:] تۈرلۈك توي مۇراسىملىرى ۋە بۇ مۇراسىملارغا تەئەللۇق ئۆرپ-ئادەتلەر.

تويچى

  • تويچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① توي قىلغۇچى، توي ئۆتكۈزگۈچى:[مىسال:] ئوۋنى ئوۋلا ئوۋچى بىلەن، توينى ئوينا تويچى بىلەن (ماقال).[يەشمىسى:] ② تويغا قاتناشقۇچى، مېھمان:[مىسال:] تويچىلار تۈن بويى ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ، توي شادلىقىغا چۆمۈلدى.

تويدۇرماق

  • تويدۇرماق[يەشمىسى:] «تويماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يەر تويدۇرار، ئوت كۆيدۈرەر (ماقال).

تويدۇرۇلماق

  • تويدۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تويدۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەتىگەن كالىلار ئېتىزلىقتا بىرئاز تويدۇرۇلغاندىن كېيىن، خامانغا قېتىلدى.

تويغۇلۇق

  • تويغۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قورساقنى تويغۇزۇشقا يېتەرلىك نەرسە، يېمەكلىك:[مىسال:] ئىككى مۇزقەنت دېگىنىڭ، بولماس بىزگە تويغۇلۇق. دوستۇم بىزگە كېرىكى، چىن نىيەتلىك، توغرىلىق.

تويغۇچە

  • تويغۇچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تويغانلىق ھېس قىلغۇچە، قانغۇچە؛ بولدى دېگۈچە:[مىسال:] تويغۇچە يېمەك. * ئۇ «يەنە شۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، تويغۇچە پاراڭ سېلىشىپ، چاقچاق قىلىشىپ، بىللە ئىشلىسەم قانداق ياخشى» دەپ ئويلىدى.

تويلاتماق

  • تويلاتماق[يەشمىسى:] «تويلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كەلدى قارلىغاچلارنى كۆكتە ئوينىتىپ، گۈل بىلەن بۇلبۇلنى باغدا تويلىتىپ.

تويلاشماق

  • تويلاشماق[يەشمىسى:] ① «تويلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كېيىن قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئەلچى ئەۋەتىپتۇ ۋە ئىككى تەرەپتىن كېلىشىپ تويلىشىپتۇ.[يەشمىسى:] ② قىز-يىگىت ئۆزئارا توي قىلىشماق:[مىسال:] ئۇ مۇشۇ شېرىنگۈل بىلەن تويلاشماقچى.

تويلۇق

  • تويلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇدىلار ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىشكە ئاساسەن، ئوغۇل تەرەپ قىز ۋە قىز تەرەپكە بېرىدىغان كىيىم-كېچەك، زىننەت بۇيۇملىرى، پۇل قاتارلىق نەرسىلەر:[مىسال:] ئۇ تېخى ساڭا ناھايىتى كۆپ تويلۇق ئاپتۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىزنىڭ تويى ئۈچۈن تەييارلانغان:[مىسال:] شۇڭا، كېلىنگە ئالغان تويلۇق ھالقا بىلەن ئېلېكترونلۇق سائەتنى بەرمىدۇق[يەشمىسى:] ③ تويدا كىيىدىغان؛ يېڭى:[مىسال:] ھەر خىل، ھەر رەڭدىكى چىرايلىق تويلۇق كىيىملىرىنى كىيگەن قىز-يىگىتلەر بىر-بىرىگە چاقچاق قىلىشاتتى.

تويلىماق

  • تويلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تويىنى قىلماق:[مىسال:] تويلىمىغان قىز ئۈچۈن بۇ بەك سەت ئىش، شۇڭا ئالدىراپ «بولىدۇ، بولمايدۇ» دېمىسەك.[يەشمىسى:] ② تەنتەنە قىلماق، تەبرىكلىمەك:[مىسال:] سائادەت سىردىشى بۇ ۋادا بويلاپ، جاراڭلاپ ئاڭلىنار مېھنەت قوشىقى. بارماقتا باھارنىڭ تويىنى تويلاپ، ئەڭ گۈزەل كەشتىلەر سىزىپ، قەلبىدە قۇياش يانغان ئادەملەر سېپى.

تويماس

  • تويماس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تويمايدىغان، قارنى يامان:[مىسال:] ئۇ چاغدا نامان ھەددى-ھېسابسىز ئاچ كۆز، بىغەملىكى، يەپ تويماس، سېمىز، تەييارتاپلىقى بىلەن داڭ چىقارغانىدى.

تويماسلىق

  • تويماسلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە رازى بولماسلىق، قانائەت قىلماسلىق، ئاچلىق، ئاچ كۆزلۈك:[مىسال:] تويماسلىق كېسىلىگە گېرىپتار بولماق.

تويماق

  • تويماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يەپ-ئىچىپ، غىزالىنىپ، غىزا ۋە سۇغا بولغان تەلىپىنى قاندۇرماق:[مىسال:] تويمىساڭ تويۇڭدا تويارسەن (ماقال). * ئۇ ھەرقانچە يېسىمۇ ھەرگىز تويمىدى.[يەشمىسى:] ② قانماق، قانائەت ھاسىل قىلماق:[مىسال:] ئۇلار ئۇيقۇغا تويمىغان ئىشچىلارنىڭ ھارغىن يۈزىگە شوخ ۋە مەغرۇر نەزەر بىلەن قاراپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زېرىكمەك، بىزار بولماق، بەزمەك:[مىسال:] دۇنيادىن تويماق. جاندىن جاق تويماق. * مەن ئۇنىڭ گېپىدىن تويۇپ كەتتىم.

توي-مەرىكە

  • توي-مەرىكە[يەشمىسى:] توي-تۆكۈن ۋە ئۆلۈم-يېتىم مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم ۋە زىياپەتلەر.

تويمىغۇر

  • تويمىغۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تويمايدىغان، شۈكۈر قىلمايدىغان، ئاچ كۆز:[مىسال:] ئابدۇقېيۇمئاخۇن، ئەمدى تويمىغۇر نەپسىمىزنى يۈگەنلەيدىغان ۋاقىت كەلدى.

تويمىغۇرلۇق

  • تويمىغۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تويماسلىق، شۈكۈر قىلماسلىق:[مىسال:] كۆزى ئاچ-تويمىغۇرلۇقتىن ئۆزۈڭنى ساقلىغىن زىنھار، بولۇپ قالما چۈمۈلىدەك كى چىشلەپ ئۇچرىغان داندىن.

تويۇشماق

  • تويۇشماق[يەشمىسى:] «تويماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەمدى ئوغرىلىققىمۇ تويۇشقانسىلەر، ھاماقەتلەر

تويۇندۇرماق

  • تويۇندۇرماق[يەشمىسى:] «تويۇنماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دېمەك، ئۇلار پىششىق خىشنى بېنزىنغا چىلاپ تويۇندۇرۇپ، ياندۇرغانىكەن، ئۇلار ئىشلەتكەن بۇ ئامالنى بىز نېمىشقا ئىشلەتمەيدىكەنمىز

تويۇنماق

  • تويۇنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئوبدان، يېتەرلىك تويماق:[مىسال:] ئۇ تۆت دانە گۆشگىردە سېتىۋالدى-دە، قېنىق دەملەنگەن بىر چەينەك چاي بىلەن يەپ تويۇنۇۋالدى.[يەشمىسى:] ② يېتەرلىك، دەرىجىدە ئۆزىگە ئالماق، سىڭدۈرمەك، ئېرىتمەك:[مىسال:] تويۇنغان ئېرىتمە. * شىمالىي تامغا قويۇلغان بىر جۈپ پەنجىرىدىن باغدىكى ئالما پۇراقلىرىغا تۇيۇنغان سالقىن شامال ئۇرۇپ تۇراتتى.

تويۇنئۆرۈك

  • تويۇنئۆرۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تويۇن+ئۆرۈك[[يەشمىسى:] ئۆرۈكنىڭ بىر تۈرى.

تۇەن

  • تۇەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئارمىيىدىكى شتات بىرلىكى. شىگە قارايدۇ، تەركىبىدە بىرقانچە يىڭ بولىدۇ.

تۇەنجاڭ

  • تۇەنجاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] تۇەن كوماندىرى.

تۇەنجاڭلىق

  • تۇەنجاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇەنجاڭغا يۈكلەنگەن ئىش، ۋەزىپە.

تۇبا

  • تۇبا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] مىستىن ياسالغان دۇخوۋوي چالغۇ. ئېغىزى چىنە شەكلىدە، قالغان يېرى توم ۋە يوغان كېلىدۇ؛ ئۇنىڭغا تۆت ياكى بەش دانە پورشېن ئورنىتىلغان بولىدۇ. ئادەتتە دۇخوۋوي ئوركېستىر ياكى ھەربىي ئوركېستىرلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

تۇبېركۇليوز

  • تۇبېركۇليوز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل. ئۇنى سىل تاياقچە باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ھەممە ئەزا بۇ خىل كېسەل بىلەن ئاغرىيدۇ. تېبابەتتە «سىل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تۇپراق

  • تۇپراق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كولاش، ھەيدەش، چېپىش نەتىجىسىدە، چېچىلغان ھالەتتە كەلگەن يەر قاتلىمى:[مىسال:] ئۇ پادىشاھلىق تەختىنى تاشلاپ، ھاممامنىڭ كۈللىرىگە بۇلىنىپ، ساراڭلاردەك بېشىغا كۈل، تۇپراقلارنى چېچىشقا باشلاپتۇ.[يەشمىسى:] ② يەر شارىنىڭ ئۈستىدىكى ئۆسۈملۈك ئۆسەلەيدىغان قاتلىمى. ئۇ ھەر خىل دانىچە شەكىللىك مىنېرال ماددىلار، ئورگانىك ماددىلار، سۇ، ھاۋا، مىكروئورگانىزم قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن:[مىسال:] شىنجاڭدا ئېدىرلىقلاردا سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تۈزلەڭلىكلەردىمۇ سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر.[يەشمىسى:] ③ مېيىت كۆمۈلگەن گۆرنىڭ ئۈستىدىكى قىرغا ئوخشاش ئۇزۇنچاق ياسالغان توپا دۆۋىسى؛ قەبرە:[مىسال:] ئۇ ھەر پەيشەنبە مازارغا بېرىپ، ئانىسىنىڭ تۇپرىقىغا باش قوياتتى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يۇرت، زېمىن؛ ۋەتەن:[مىسال:] ئۆلسەم ئۇلار تېنىمنى يۇيۇپ، جىنازامنى كۆتۈرۈپ، مۇشۇ ئۇلۇغ تۇپراققا كۆمىدۇ.

تۇپراقچىلىق

  • تۇپراقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «تۇپراقشۇناسلىق»قا قاراڭ.

تۇپراقشۇناس

  • تۇپراقشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇپراقشۇناسلىق بويىچە مۇتەخەسسىس، ئالىم.

تۇپراقشۇناسلىق

  • تۇپراقشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇپراق ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنىڭ شەكىللىنىش، تەرەققىيات قانۇنىيەتلىرى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش، ياخشىلاش قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

تۇپراقلىق

  • تۇپراقلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇپرىقى، توپىسى بار:[مىسال:] بۇ مۇنبەت تۇپراقلىق يەردىن دۆلەتكە، خەلققە قانچىلىك تۆھپە ئارتۇق قوشۇلىدۇ-ھە[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مازار، گۆرىستان:[مىسال:] مانا تۇپراقلىققا يېتىپ كەلدۇق.

تۇت

  • تۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئۈجمە.

تۇتاتقۇ

  • تۇتاتقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۆيدۈرۈپ ھىد پەيدا قىلىدىغان نەرسە.

تۇتاش

  • تۇتاش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىر-بىرىگە ئۇلاشقان، تۇتىشىپ كەتكەن، ئۈزۈلۈپ قالمىغان:[مىسال:] ماھىرە مەكتەپنىڭ بىر چېتىگە تۇتاش قىلىپ سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ئىچىدىكى كىچىككىنە بىر ئۆينى ياتاق قىلىۋالغانىدى.[يەشمىسى:] ② يانمۇيان جايلاشقان، يانداش:[مىسال:] شۇ ھويلىغا تۇتاش يەنە بىر كىچىكرەك ھويلىغا سەپەرقۇللار جايلاشقانىدى.[يەشمىسى:] ③ بابباراۋەر، تەڭمۇتەڭ، ئوخشاش:[مىسال:] بىر تۇتاش تارقاتماق.

تۇتاشتۇرما

  • تۇتاشتۇرما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇتاشتۇرۇلغان، تۇتاش ھالەتكە كەلگەن:[مىسال:] تۇتاشتۇرما سىزىق.

تۇتاشتۇرماقⅠ

  • تۇتاشتۇرماقⅠ[يەشمىسى:] «تۇتاشماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كىشىلەر سەپەرقۇلنىڭ باشچىلىقىدا ئىشقا كىرىشىپ، ئۆستەڭنىڭ ئاخىرىنى چوڭ دەرياغا تۇتاشتۇرۇپتۇ.

تۇتاشتۇرماقⅡ

  • تۇتاشتۇرماقⅡ[يەشمىسى:] «تۇتاشماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بىر تال پاپىرۇسنى چىشلەپ كىردى-دە، سەرەڭگە بىلەن تۇتاشتۇردى.

تۇتاشتۇرۇلماقⅠ

  • تۇتاشتۇرۇلماقⅠ[يەشمىسى:] «تۇتاشتۇرماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تىزما تاغنىڭ ئاخىرى توغرىسىغا سوزۇلغان دامبا ئارقىلىق، بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغانىدى.

تۇتاشتۇرۇلماقⅡ

  • تۇتاشتۇرۇلماقⅡ[يەشمىسى:] «تۇتاشتۇرماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ قولىدىكى كەندىر يىپقا ئوت تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىس چىقىپ تۇراتتى.

تۇتاشماقⅠ

  • تۇتاشماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر-بىرىگە ئۇلاشماق، ئۇلىشىپ كەتمەك؛ بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇرماق:[مىسال:] دۆڭلۈكنىڭ بىر تەرىپى دەريا قىرغىقىغا تۇتىشاتتى.[يەشمىسى:] ② بىر-بىرىگە باغلانماق، ئالاقىدار بولماق، مۇناسىۋەتلىك بولماق:[مىسال:] يۇرت-جامائەتكە ئېنىق، ئەمما كىتابخانلىرىمىزغا نامەلۇم بولغان ھېكايىمىزنىڭ ئەسلىي تۈگۈنى خېلى ئۇزاققا تۇتىشىدۇ.[يەشمىسى:] ③ بىر-بىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، جىپسىلىشىپ كەتمەك، يېپىشىپ تۇرماق:[مىسال:] چاڭ قونغان چاچلىرى تېقىملىرىغا، تاشلىنىپ تۇراتتى يېپىپ بېلىنى. ھەي، ئۆتتى قانچىلاپ باھار ئاچالماي، بەرگى چىڭ تۇتاشقان غۇنچە لېۋىنى.

تۇتاشماقⅡ

  • تۇتاشماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئوت ئالماق، كۆيۈشكە باشلىماق، كۆيمەك:[مىسال:] ئوت تۇتاشماق.

تۇتاق

  • تۇتاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسى؛ ماتكا.

تۇتالⅠ

  • تۇتالⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باھاسى ئوخشاش كېلىدىغان نەرسە بىلەن تۆلىنىدىغان تۆلەم.

تۇتالⅡ

  • تۇتالⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «بولماق» پېئىلى بىلەن كېلىپ: 1)ئەسقاتماق، دال بولماق، مۇھىم رول ئوينىماق.[يەشمىسى:] 2) بالىياتقۇدا تۆرەلمە پەيدا بولماق (ئات، كالا، قوي قاتارلىق ھايۋانلار ھەققىدە).

تۇتام

  • تۇتام[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ تۇتاملاپ ئايرىلغان بۆلىكى، سىقىم:[مىسال:] ھەرقانچە قىلىپ باقسىمۇ، ناھايىتى پەس ئۆسكەن ئوت ئۇنىڭ تۇتامىغا چىقمىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ تۇتاملىغىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر تۇتام كۆك ئوسما.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىچىككىنە، ئاز، قىسقا:[مىسال:] «قىش كۈنى بىر تۇتام» دېگەندەك، سەھەر تۇرۇپ جىددىي ھەرىكەت قىلمىسا بىردەمدىلا قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتەتتى.

تۇتامغا چىققۇدەك

  • تۇتامغا چىققۇدەك[يەشمىسى:] خېلى سالمىقى بار، مۇھىم، ئەھمىيەتلىك:[مىسال:] ئادۋوكات يۈسۈپجان بىردەم دۇدۇقلاپ ئەزمىسىنى ئەزسىمۇ، لېكىن تۇتامغا چىققۇدەك بىرەر ئەھمىيەتلىك سۆز ئېيتالمىدى.

تۇتامى بار

  • تۇتامى بار[يەشمىسى:] ① ئەھمىيەتلىك، مەنىلىك:[مىسال:] ئۇكام، بۇ ياشقا كىرگەندە ھەرەڭ-سەرەڭ گەپ قىلماي، تۇتامى بار گەپ قىل جۇمۇ دېدى ئۇ، ھەمراھى ئابلىزغا قاراپ.[يەشمىسى:] ② گېپىدە تۇرىدىغان، راست گەپ قىلىدىغان:[مىسال:] گېپىنىڭ تۇتامى بار ئادەم.

تۇتامى يوق

  • تۇتامى يوق[يەشمىسى:] ① ئەھمىيەتسىز، بىھۇدە:[مىسال:] ئۇنىڭ گېپىنىڭ تۇتامى يوق.[يەشمىسى:] ② گېپىدە تۇرمايدىغان، ئىشەنچسىز، تۇراقسىز:[مىسال:] ماڭ، بايقۇش تۇتامى يوق ئەر ئىكەنسەن.

تۇتامسىز

  • تۇتامسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئەھمىيەتسىز، مەنىسىز:[مىسال:] ئەخمەقنىڭ ئاغزى بوش، سۆزى كۆپ بولۇر؛ مەنىسى تۇتامسىز، تۇزسىز، ماز بولۇر.[يەشمىسى:] ② مەيدانسىز، ئۆزگىرىشچان، تۇراقسىز:[مىسال:] مېنى ئاجىز، تۇتامسىز دەپ ئويلىمايدىغانسىز مەيلى، نېمىدەپ ئويلىسىڭىز ئەمدى مەن ئۈچۈن بەرىبىر.

تۇتامسىزلىق

  • تۇتامسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەنىسىزلىك، تايىنى يوقلۇق:[مىسال:] بۇ نېمىدېگەن تۇتامسىزلىق، تۈنۈگەن باشقا بىرنېمە دېسە، بۈگۈن يەنە باشقا بىرنېمە دەۋاتقان، دەپ قاتتىق خاپا بولدى باشلىق.

تۇتاملاتماق

  • تۇتاملاتماق[يەشمىسى:] «تۇتاملىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھېلىقى خوجايىن خىزمەتكارىغا ھاشىم ئاكامنىڭ ساقىلىنى تۇتاملىتىپ، ئېڭىكىگە تۆت شاپىلاق ئۇرغۇزدى.

تۇتاملاشماق

  • تۇتاملاشماق[يەشمىسى:] «تۇتاملىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىككىسى «ئاپلا» دېيىشىپ، ساقاللىرىنى تۇتاملىشىپ قالدى.

تۇتاملىق

  • تۇتاملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك:[مىسال:] تۇتاملىق گەپ.[يەشمىسى:] ② سالماق، تۇراقلىق:[مىسال:] ئۇ خېلى تۇتاملىق ئادەم.

تۇتاملىماق

  • تۇتاملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئالىقان ئارىسىغا ئېلىپ، بارماقلىرى بىلەن تۇتماق:[مىسال:] ئەستاغپۇرۇللا، ئەستاغپۇرۇللا مىنۇپ مەزىن ساقىلىنى تۇتاملاپ، گويا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى.

تۇت-تۇت قىلماق

  • تۇت-تۇت قىلماق[يەشمىسى:] ئۇچرىغانلىكى كىشىلەرنى تۇتىدىغان، قامايدىغان ھالەت شەكىللەندۈرمەك.

تۇتقا

  • تۇتقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ قول بىلەن تۇتۇش ئۈچۈن ئورنىتىلغان قىسمى، تۇتقۇچ:[مىسال:] ئىشىكنىڭ تۇتقىسى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاساس، مۇھىم نۇقتا:[مىسال:] تۇتقىنى تۇتماق.

تۇتقاق

  • تۇتقاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پات-پات[يەشمىسى:] تۇتىدىغان، تۇتۇش ئادەتكە ئايلانغان:[مىسال:] تۇتقاق كېسەل.

تۇتقاقلىق

  • تۇتقاقلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇتقاق ئالامىتى ۋە تەسىرى بار:[مىسال:] تۇتقاقلىق كېسەل.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇتقاق كېسەللىكى:[مىسال:] ئۇ ئايالنىڭ تۇتقاقلىقى يەنە تۇتتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پات-پات ئاچچىقلاپ قالىدىغان خاراكتېر:[مىسال:] مانا كۆرۈڭ. تۇتقاقلىقىڭ يەنە تۇتۇپتۇ-دە.

تۇتقامىش

  • تۇتقامىش[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يېقىنلىشىپ، ئانچە كېيىن قالماي.

تۇتقان-پۈتكىنى

  • تۇتقان-پۈتكىنى[يەشمىسى:] ئۆمۈر بويى قىلغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى:[مىسال:] ئۇنىڭ تۇتقان-پۈتكىنى ئاللا ئۈچۈن ئىدى.

تۇتقاۋۇل

  • تۇتقاۋۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] تۇتقۇنلار ئىشلىرىغا مەسئۇل لەشكەربېشى.

تۇتقاۋۇللۇق

  • تۇتقاۋۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇتقاۋۇلغا يۈكلەنگەن ئىش، ۋەزىپە:[مىسال:] ئۇ ھازىر پۇدۇڭ ئايمىقىدا، تۇتقاۋۇللۇقتا خورسىنىپ يۈرىدۇ.

تۇتقۇچ

  • تۇتقۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ قول بىلەن سىقىمداپ تۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىسمى، تۇتقا.

تۇتقۇچلۇق

  • تۇتقۇچلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇتقۇچى بار، تۇتقۇچ بېكىتىلگەن:[مىسال:] ئەنۋەر مەھەللىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆمۈر تۇتقۇچلۇق، ھەشەمەتلىك دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ توختىدى.

تۇتقۇزماق

  • تۇتقۇزماق[يەشمىسى:] ① «تۇتماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاز-تولا قارىغاي تىكىلىپ، ئۇنى تۇتقۇزغىلى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.[يەشمىسى:] ② باشقۇرۇشقا، خەۋەر ئېلىشقا، تەربىيىلەشكە بەرمەك، تاپشۇرماق:[مىسال:] ئۇ يولغا چىقىپ كەتكەن كۈننىڭ ئەتىسىلا موماي نەۋرىسىنى يېتىلەپ ئاپىرىپ، موللامغا تۇتقۇزدى.

تۇتقۇن

  • تۇتقۇن[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇتۇلغان، قامالغان، ئۆز ئەركىدىن، ئىختىيارلىقىدىن مەھرۇم قىلىنغان:[مىسال:] مەن ھازىر قەپەستىكى بىچارە تۇتقۇن قۇشلارغا ئوخشاپ قالدىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە ياكى كىشىگە بېرىلىپ كەتكەن، مەپتۇن بولغان، بەند قىلىنغان:[مىسال:] دانىيار دەرۋازىسىنى تىڭشىغانسېرى، غەزەلگە شۇنچىلىك بولماقتا تۇتقۇن. ھارغىنلىق ئېسىدىن چىققان تامامەن، ئېچىلغان كۆزلىرى چاچماقتا ئۇچقۇن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قولغا ئېلىش، تۇتۇش، قاماش ئىشلىرى:[مىسال:] يۇنۇسنىڭ ئېيتىشىچە، چوڭ تۇتقۇن ئەمدى باشلانغۇدەكمىش.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سولاق، قاماق:[مىسال:] يېتىپ تۇتقۇندا، زىنداندا، كۆيۈپ، ئاتەشتە ھىجراندا، ۋەتەننىڭ قايغۇسى بىرلە، دىلى غەمخانىنى كۆردۈم.

تۇتقۇنلۇق

  • تۇتقۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇتقۇن ھالەت، ئەھۋال:[مىسال:] ھەي، ھاتەم دېدى جادۇگەر، ئاي پەرىنىڭ مۆھىرىنى ماڭا بەرگىن، مەن سېنى بۇ تۇتقۇنلۇقتىن ئازاد قىلىۋېتەي.

تۇتقىسىز

  • تۇتقىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تۇتقۇسى يوق، تۇتقىسى بېكىتىلمىگەن:[مىسال:] تۇتقىسىز چۆگۈن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاساسى يوق، ئەھمىيەتسىز، پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ دېگەنلىرى يالغان-ياۋىداق، تۇتقىسىز گەپلەر بولغاچقا، بىرەرىمىزمۇ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ كەتمىدۇق.

تۇتقىلىق

  • تۇتقىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تۇتقىسى بار، تۇتقا بېكىتىلگەن:[مىسال:] تۇتقىلىق ئىستاكان. تۇتقىلىق پەتنۇس.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاساسلىق، مۇھىم، نۇقتىلىق:[مىسال:] كلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئۆگەنگەندە، بىزنىڭ تۇتقىلىق ئۆگىنىدىغان نۇقتىلىرىمىز بولۇشى كېرەك.

تۇتماق

  • تۇتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قولى بىلەن سىقىمدىماق، سىقىمداپ تۇرماق؛ ئىككى قولى ئارىسىدا توختاتماق:[مىسال:] تۇتقۇچنى تۇتماق. توپنى تۇتماق.[يەشمىسى:] ② قولىغا ئالماق، قولىدا كۆتۈرمەك:[مىسال:] ماشىنىدا پىلىموت ۋە بەشئاتار مىلتىق تۇتقان، يانلىرىغا بومبىلار ئاسقان يۈزچە ئەسكەر بار ئىدى.[يەشمىسى:] ③ قوغلاپ، ئوۋلاپ، ئىزلاپ، قولغا چۈشۈرمەك؛ قىسماق، قىلتاق، قاپقان قاتارلىقلارغا چۈشۈرمەك:[مىسال:] كىشىنىڭ قولى بىلەن يىلان تۇت (ماقال).[يەشمىسى:] ④ بىرەر تەرىزدە ئىشلەتمەك، قوللانماق:[مىسال:] ئېيتىڭا ئاكا، مەش قويۇش، مۇنۇ قۇم چۆگۈن ئورنىغا قەلەي چەينەك تۇتۇش سىزگە يات بىلىنەمدۇ[يەشمىسى:] ⑤ ھۆرمەت يۈزىسىدىن بىرەر نەرسىدىن پايدىلىنىشقا تەكلىپ قىلماق، پايدىلىنىشقا بەرمەك، تەقدىم قىلماق، سۇنماق:[مىسال:] يېڭى پىيالە ئەكەلدۈرۈپ، كۆپۈك چىقارماي، پەم بىلەن چاي قۇيۇپ، مېھمانغا ئەدەپ بىلەن تۇتتۇم.[يەشمىسى:] ⑥ يېزىپ مەلۇم قىلماق؛ سۇنماق:[مىسال:] خەت تۇتماق. ئەزر تۇتماق.[يەشمىسى:] ⑦ باشقا بىر نەرسىگە ئۇدۇللاپ يېقىن ئەكەلمەك، تەڭلىمەك:[مىسال:] كىتابنى چىراغقا تۇتۇپ ئوقۇماق. پىچاقنى چاققا تۇتماق.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆز قولىدا ساقلىماق، ئىدارە قىلماق، ئىگىلىمەك، باشقۇرماق:[مىسال:] بىزدە يېزا سۇ ھوقۇقىنى تۇتقان بىرلا قاسىم بارغۇ دېدى تۇراخۇن.[يەشمىسى:] ⑨ پەردىلەش، دالدا قىلىش مەقسىتىدە توسماق:[مىسال:] دېرىزىگە پەردە تۇتماق. تامغا زەدىۋال تۇتماق.[يەشمىسى:] 01 چۆرىسىگە، ئەتراپىغا ئورناتماق، تىكمەك:[مىسال:] دوپپىغا جىيەك تۇتماق. كۆرپىگە قارا تۇتماق.[يەشمىسى:] 11 ئۆز دائىرىسىدە تۇرغۇزماق، ساقلاپ قالماق:[مىسال:] تېرە ئادەم بەدىنىدىكى ئاقسىلنى تۇتۇپ تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] 21 توسۇپ توختاتماق، تورىماق:[مىسال:] ئۇ: قېيىقنى ئادەملىرى بىلەن تۇتۇپ قالغىنىڭلار نېمىسى بىز خەلققە نېمىدەپ جاۋاب قىلىمىز دېدى.[يەشمىسى:] 31 بېرىشنى مەنئى قىلماق، توختىتىپ قويماق:[مىسال:] مائاشنى تۇتماق.[يەشمىسى:] 41 بوش قويۇۋەتمەي، ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزمەك، پايدىلانماق (ۋاقىت، پەيت ھەققىدە):[مىسال:] بىر كۈنلۈك ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش-تۇتماسلىق بىر شوپۇرنىڭ يىللىق ئىشىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە.[يەشمىسى:] 51 جاۋابكارلىققا تارتماق، قىستىماق:[مىسال:] پۇلنى توڭلاتقان چىن بۇجاڭ بىلەن تۇرسۇن شېجاڭ، شۇلارنى تۇتۇڭلار.[يەشمىسى:] 61 ئۆز پائالىيىتىدە مەلۇم تەرتىپ-قائىدە بىلەن ئىش ئېلىپ بارماق، بېجىرمەك:[مىسال:] باشقىچە يول تۇتماق.[يەشمىسى:] 71 ھاي بەرمەك، توسماق، توختاتماق:[مىسال:] ئۆلۈمدىن قورقساڭ ئۆزۈڭنى تت، ھالاۋەت، بەخت توغرىسىدا ئويلىما.[يەشمىسى:] 81 باشلىماق، سۇغارماق (سۇ ھەققىدە):[مىسال:] سۇپىتاي ئۆمرىدە بىرىنچى قېتىم، ئۆزى قىلغان دېھقانچىلىقنىڭ مەھسۇلاتى بولغان بۇغدايغا ئىككىنچى قېتىم سۇ تۇتماقتا ئىدى.[يەشمىسى:] 91 ساقلىماق، قالدۇرماق:[مىسال:] سىز باشقىلارنىڭ كۆزىدە ئىكەنلىكىڭىزنى يادىڭىزدا تۇتۇڭ.[يەشمىسى:] 02 ھېسابلىماق، سانىماق، ... دەپ بىلمەك:[مىسال:] تاشۋاينى ئىزلەپ كېلىدىغان مۇزىكانتلار، مۇزىكا خۇمارلار، تاشۋاينى ئۇستاز تۇتقان شاگىرتلار تولىمۇ كۆپ ئىدى.[يەشمىسى:] 12 باشلانماق، پەيدا بولماق، قوزغالماق؛ باسماق، ئۆز ئىلكىگە ئالماق:[مىسال:] تولغاق تۇتماق. ئاغرىق تۇتماق. شوخلۇقى تۇتماق. خۇمارى تۇتماق. غەزىپى تۇتماق. ئاچچىقى تۇتماق.[يەشمىسى:] 22 پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىشغال قىلماق، ئىگىلىمەك:[مىسال:] ئۇ قۇمۇلغا كەلگەندىن كېيىن، نىياز پالۋاننىڭ ئۆيىنى ماكان تۇتتى.[يەشمىسى:] 32 بىر ئەزاسى ياكى ئىشتىراكچى سۈپىتىدە قۇرماق:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ، ئائىلىمىزدە ئانامنىڭ تۇتقان جاھانىغا بىر ئىز باسقۇچى پەيدا بولدى.[يەشمىسى:] 42 راۋاجلىنىپ، ئۆسۈپ، ياخشىلىنىپ رەسمىي تولۇق ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] بوينى تۇتماق. سۇنغان قولى تۇتماق.[يەشمىسى:] 52 مەلۇم ھالەتنى ساقلىماق، مەلۇم ھالەتكە كەلتۈرمەك، داۋاملاشتۇرماق:[مىسال:] چېن ئەمىر كېمىگە چۈشۈپ، ئۆزىنى مەغرۇر تۇتۇپ، ھېچكىمنى كۆزگە ئىلماي ئوتتۇرىدا ئولتۇردى.[يەشمىسى:] 62 مەلىكە قىلماق، بەند قىلماق، كەتكۈزمەي توسۇپ قالماق، ئاۋارە قىلماق:[مىسال:] غالىب كېسەل بولغاچقا، كۆپ گەپكە تۇتسا بولمايتتى.[يەشمىسى:] 72 بىراۋنىڭ يولۇققان، ئۇچرىغان ئوڭۇشسىزلىقلىرى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىرىنىڭ بېشىغا كەلمەك، ئۈستىگە چۈشمەك:[مىسال:] باشقىلارنىڭ قىساسى تۇتماق. * ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن، ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى، كۆز يېشىم دەريا بولۇپ، بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى.[يەشمىسى:] 82 ئىپادىلىمەك، كۆرسەتمەك:[مىسال:] مېنى بۇ يەرگە يېڭى ئەكەلگەن ۋاقىتلارنى، ئۇلارنىڭ ماڭا تۇتقان پوزىتسىيىلىرىنى بىرمۇبىر ئەسلىدىم.[يەشمىسى:] 92 مەلۇم دائىرە ئىچىدە دەپ قاراپ، دىققەت قىلماق، ئاگاھ بولماق:[مىسال:] بىز ھەر ئېھتىمالغا قارشى، ئالدىمىزنى چوڭ قورام تاشلارنىڭ توسۇۋېلىش مۇمكىنلىكىنى نەزەردە تۇتۇشىمىز، تەييارلىنىپ قويۇشىمىز لازىم.[يەشمىسى:] 03 قېتىپ، قويۇقلىشىپ مەلۇم شەكىل ۋە ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] قايماق تۇتماق. مۇز تۇتماق.[يەشمىسى:] 13 ئاتماق، ياغدۇرماق:[مىسال:] ئوققا تۇتماق. پىلىموتقا تۇتماق.[يەشمىسى:] 23 مەلۇم ھالەتتە ساقلىماق، يوشۇرماق:[مىسال:]?سىرىمنى مەن سەندىن مەخپىي تۇتاتتىم.[يەشمىسى:] 33 تاللىماق، تاللاپ ئالماق:[مىسال:] كېلەر قېتىم گىلەملەردىن بىرىنى تۇتقىن، شۇنى ئېلىپ قال.[يەشمىسى:] 43 مەجبۇرىي ھالدا ئالماق:[مىسال:] ئۇنى ئەسكەرلىككە تۇتۇپ، ئالتايغا ئەكەتكەن.[يەشمىسى:] 53 مەلۇم چېگرا، دائىرىنى شەكىللەندۈرمەك، قۇرماق:[مىسال:] تامنىڭ ئۇلىنى تۇتماق. خۇمداننىڭ تاۋىسىنى تۇتماق. ھويلىغا سۇپا تۇتماق.[يەشمىسى:] 63 تارالماق، قاپلىماق، بىرئالماق:[مىسال:] ئاي كەينىدىن بالقىپ چىقتى چولپانمۇ، يېرىپ قويۇق بۇلۇتلارنىڭ باغرىنى. چاچراپ كەتتى شامال تەگكەن ئوت كەبى، يەرۇكۆكنى تۇتتى ئاپئاق يانغىنى.[يەشمىسى:] 73 يۇغۇرماق:[مىسال:] بالام، ماۋۇ چەكنى گۈھەرنىساخان ئاچاڭنىكىگە ئاپىرىپ بەرگىن، مەن باراي دېسەم، خېمىر تۇتۇپ قويۇپتىمەن، سەن كەلگىچە نېنىمنى يېقىۋالاي.

تۇتۇرۇقⅠ

  • تۇتۇرۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئوت ئالدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇششاق قىلىپ تەييارلانغان قۇرۇق ئوتۇن ياكى قومۇش، تارىشا قاتارلىقلار:[مىسال:] ئامىنە تەييار تۇتۇرۇقنى ئوچاققا تىزدى-دە، كۆمۈر سېلىپ ئوت ياقتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قوزغاتقۇچى، سەۋەبچى، زورايتقۇچى:[مىسال:] ئەر-خوتۇننىڭ بىر-بىرىگە يول قويماسلىقى، دەتالاشنىڭ ئاخىرىنىڭ جېدەل-ماجىراغا ئايلىنىشىغا تۇتۇرۇق بولدى.

تۇتۇرۇقⅡ

  • تۇتۇرۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىشىنىڭ ئۆز سۆزىدە تۇرۇش خىسلىتى:[مىسال:] تۇتۇرۇقى يوق ئادەم.[يەشمىسى:] ② مۇئەييەن مەنە، مەزمۇن:[مىسال:] تۇتۇرۇقى يوق گەپ.

تۇتۇرۇقسىز

  • تۇتۇرۇقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① سۆزىدە، لەۋزىدە تۇرمايدىغان؛ تايىنى يوق:[مىسال:] سىزنى كۆپ ۋاقىتقىچە ھېچنېمىدىن تەپ تارتمايدىغان، باغرى تاش، تۇتۇرۇقسىز ئادەم دەپ ھېسابلاپ كەلدىم.[يەشمىسى:] ② مەنىسىز، چۇۋالچاق:[مىسال:] ئۇلار شۇ چاغدىمۇ ئاشۇنداق تۇتۇرۇقسىز سۆزلەرنى تارقاتقانىدى.

تۇتۇرۇقسىزلىق

  • تۇتۇرۇقسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① سۆزىدە تۇرماسلىق، تايىنى يوقلۇق:[مىسال:] تۇتۇرۇقسىزلىق خەلق ئوقۇتقۇچىسىنىڭ نامىغا يات.[يەشمىسى:] ② مەنىسىزلىك، چۇۋالچاقلىق:[مىسال:] سەن بۇنداق تۇتۇرۇقسىزلىقىڭنى خامىنىڭدا قىل، مېنىڭ قېشىمدا تۆھمەتكە جاي تېپىلمايدۇ

تۇتۇرۇقلۇق

  • تۇتۇرۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇتۇرۇق قىلىشقا بولىدىغان، تۇتۇرۇققا لايىق:[مىسال:] تۇتۇرۇقلۇق تارىشا. تۇتۇرۇقلۇق قومۇش.

تۇتۇشتۇرماق

  • تۇتۇشتۇرماق[يەشمىسى:] «تۇتۇشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كەلگىنى ياخشى بولدى، دېدى يەنە بىرى، مۇنۇ بۇقا بىلەن توتۇشتۇرۇپ كۆرمەمدۇق.

تۇتۇشماق

  • تۇتۇشماق[يەشمىسى:] ① «تۇتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلار سۇغا چۆمۈلۈۋاتاتتى، بەزىلىرى بېلىق تۇتۇشۇۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② بىر-بىرى بىلەن ئېلىشماق؛ ئۇرۇشماق:[مىسال:] مەيداندا بىرنەچچە داڭدار چېلىشچى بىر-بىرى بىلەن تۇتۇشۇۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ③ كىرىشمەك:[مىسال:] تۇتۇشتۇق يول بۇزماققا، ياۋ كەلمىسۇن بۇ ياققا.

تۇتۇقⅠ

  • تۇتۇقⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرمايدىغان، ئۇچۇق ئەمەس:[مىسال:] ئاسمان يەنىلا تۇتۇق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېنىق ئەمەس، مۈجمەل:[مىسال:] بۇ ئارىلاش ۋە تۇتۇق سادالارنىڭ زادى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئۇمۇ ئېنىق چۈشىنەلمەيتتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خۇشاللىق ئالامەتلىرى بىلىنمەيدىغان؛ غەمكىن:[مىسال:] ئەمما ئۇنىڭ پۈتكۈل چىرايى خىيالچان، تۇتۇق ئىدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇۋىنىڭ يەڭ ۋە پەشلىرىنىڭ چۆرىسىگە تۇتۇلىدىغان كۆرپە.

تۇتۇق بەرمەسلىك

  • تۇتۇق بەرمەسلىك[يەشمىسى:] ① تۇتۇش، قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلارنىڭ قولىغا چۈشمەسلىك:[مىسال:] نۇزۇگۇم ئالتە ئايغىچە جاللاتلارغا تۇتۇق بەرمىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقۇرۇش، تىزگىنلەشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالماق، بويسۇنماسلىق.

تۇتۇقⅡ

  • تۇتۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي زېمىندا تەسىس قىلىنغان، ھىراۋۇل مەھكىمىسىدە مەمۇرىي ئىشلار ۋەمىللەتلەر ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدار.

تۇتۇقبەگ

  • تۇتۇقبەگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۇتۇق+بەگ[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] دۆلىتىمىزدە جەنگو دەۋرىدە تەسىس قىلىنغان ئەمەل نامى، يەنى جياڭجۈندىن تۆۋەنرەك ھەربىي ئەمەلدار، بۇنى خەن، تاڭ، چىڭ سۇلالىرىمۇ قوللانغان.

تۇتۇقسىز

  • تۇتۇقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇتۇلمىغان، ئىگىلەنمىگەن:[مىسال:] تۇتۇقسىز ئۆي.

تۇتۇقھىراۋۇل

  • تۇتۇقھىراۋۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۇتۇق+ھىراۋۇل[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] خەن سۇلالىسىدىن يۈەن سۇلالىسىغىچە، غەربىي رايوندا يولغا قويۇلغان ئەمەل نامى.

تۇتۇقلاشتۇرماق

  • تۇتۇقلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «تۇتۇقلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇمەسىلىنى بەزىبىر چېتىشلىق ئادەملەر بارغانسېرى تۇتۇقلاشتۇرۇشقا ئورۇنۇۋاتىدۇ.

تۇتۇقلاشتۇرۇشماق

  • تۇتۇقلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «تۇتۇقلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۇتۇقلاشتۇرۇلماق

  • تۇتۇقلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تۇتۇقلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تۇتۇقلاشماق

  • تۇتۇقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تۇتۇق، غۇۋا، ئېنىقسىز بولۇپ كۆرۈنمەك؛ غۇۋالاشماق:[مىسال:] خاسىيەتنىڭ كۆز ئالدى تۇتۇقلاشتى.[يەشمىسى:] ② خۇشاللق ئالامىتى يوقالماق، تۈرۈلمەك (يۈز ھەققىدە):[مىسال:] شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ خۇشخۇي چىرايى تۇتۇقلاشتى.

تۇتۇقلۇقⅠ

  • تۇتۇقلۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇتۇق ھالەت، ئەھۋال:[مىسال:] كۆز ئالدىمدىكى تۇتۇقلۇق ئىچىدىن بىر يورۇقلۇق پەيدا بولغاندەك بولدى.

تۇتۇقلۇقⅡ

  • تۇتۇقلۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇتقان؛ تۇتۇپ، ئىگىلەپ تۇرغان:[مىسال:] ل. مۇتەللىپنىڭ تەنھا تۇتۇقلۇق ياتىقى شۇ كوچىدا ئىدى.

تۇتۇلماق

  • تۇتۇلماق[يەشمىسى:] ① «تۇتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كۆپ سۆزلىگەن تۇتۇلار، ئاز سۆزلىگەن قۇتۇلار (ماقال).[يەشمىسى:] ② گەپتىن، سۆزدىن قالماق:[مىسال:] ماۋۇ بىر نېمەڭنىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالغانمىدى.[يەشمىسى:] ③ گەپ-سۆزدە ئىلىنىپ قالماق، جاۋاب بېرەلمەي قالماق؛ تەن ئالماق:[مىسال:] زەينەپ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىغا قالغاندا بىر ئاز تۇتۇلدى.[يەشمىسى:] ④ باشقا نەرسىلەر ياكى ئۇنىڭ سايىسى بىلەن قاراڭغۇلىشىپ قالماق:[مىسال:] ھاۋا يەنە تۇتۇلدى.[يەشمىسى:] ⑤ پەردىلەنمەك، كۆرەلمەس بولۇپ قالماق (كۆز ھەققىدە):[مىسال:] كۆزى تۇتۇلماق.[يەشمىسى:] ⑥ قىسىلماق:[مىسال:] گاھى يامغۇر، گاھى بەك ئىسسىق، تۇتۇلىدۇ كىشىنىڭ دېمى. لېكىن ئۇندا توختىمايدۇ ئىش، كۆتۈرۈلەر بىنانىڭ تېمى.[يەشمىسى:] ⑦ تۈرۈلمەك، سۈرلەشمەك، ئۆزگەرمەك:[مىسال:] دائىم خۇشخۇي يۈرىدىغان ئايالىمنىڭ بۈگۈن چىرايى تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم.[يەشمىسى:] ⑧ كېمەيمەك، پەسلىمەك، ئازايماق:[مىسال:] بۈگۈن ئۇنىڭ ئىشتىھاسىمۇ تۇتۇلدى، ئۇيقۇسىمۇ قاچتى.

تۇتۇنماق

  • تۇتۇنماق[يەشمىسى:] ① «تۇتماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەمدى سەن تۇتۇنامسەن، جېنىڭنى ياقىغا ئالامسەن، ئۆزۈڭ بەلگىلە-ھە[يەشمىسى:] ② كىرىشمەك، بىرەر ئىشنى قىلىشقا باشلىماق:[مىسال:] گەزمالچى بىر چوكانغا شىپۇن دۇخاۋا ساتقىلى تۇتۇندى.

تۇتى

  • تۇتى[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شاتۇتى، تۇتى قۇش.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاتنىڭ تېنى كىچىك، پاكار بىر خىلى، ئادەتتە بويى بىر مېتىردىن ئېگىز بولمايدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پاكار، پەس.

تۇتىقماق

  • تۇتىقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۇيالماق.

تۇتىيا

  • تۇتىيا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كۆز ئاغرىقىنى ساقايتىش ياكى كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۆزگە سۈرتىدىغان، بۇرۇن ئىشلىتىلگەن بىر خىل دورا.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تېپىلمايدىغان، قىممەت باھالىق نەرسە:[مىسال:] ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلار ئۈچۈن ئەمدى زادىلا قول يەتمەس تۇتىياغا ئايلىنىپ قالدى.

تۇجا

  • تۇجا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن مەملىكىتىمىزنىڭ خۇنەن، خۇبېي ئۆلكىلىرىگە جايلاشقان.

تۇجاچە

  • تۇجاچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇجالارغا خاس، تۇجالار ئىشلىتىدىغان:[مىسال:] تۇجاچە كىيىنمەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇجا تىلى.

تۇجۇركا

  • تۇجۇركا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كاسىنى بېسىپ تۇرىدىغان، تۈگمىلىرى پۈتۈن ئېتىلىدىغان ئۆرە ياقىلىق كالتە چاپانلارنىڭ ئورتاق نامى.

تۇجۇركىلىق

  • تۇجۇركىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تۇجۇركىسى بار، تۇجۇركا كىيگەن:[مىسال:] تۇجۇركىلىق ئادەم.[يەشمىسى:] ② تۇجۇركا تىكىشكە لايىق، باب ياكى يېتىدىغان:[مىسال:] ئىككى تۇجۇركىلىق سارجا. بىر تۇجۇركىلىق رەخت.

تۇچ

  • تۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىس بىلەن قەلەينىڭ ئارىلاشمىسى. سارغۇچ ياكى كۆكۈچ سارغۇچ بولىدۇ، سۈركىلىشكە، چىرىشكە چىداملىق، قاتتىق كېلىدۇ؛ دېتاللارنى قۇيۇش، پرېسلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

تۇخاۋ

  • تۇخاۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] يېزىلاردىكى پۇل ۋە كۈچى بولغان پومېشچىك ياكى زومىگەر.

تۇخاۋ-لېيشېن

  • تۇخاۋ-لېيشېن[يەشمىسى:] تۇخاۋ ۋە لېيشېن.

تۇخۇم

  • تۇخۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① چىشى قۇشلار ۋە بەزى ھايۋانلارنىڭ بالا چىقىرىش ئۈچۈن تۇغىدىغان، ئۈستى شاكال بىلەن ئورالغان جىنسىي ئۇرۇقى.[يەشمىسى:] ② يېمەكلىك سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان، توخۇ، ئۆردەك قاتارلىق قۇشلارنىڭ تۇخۇمى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئانىلىق ھۈجەيرىسى. ئۇ ئۇرۇق بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن ئىككىنچى ئەۋلادنى ھاسىل قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھاشاراتشۇناسلىق ئىلمىدە، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمغا قارىتىلغان بولۇپ، ھاشاراتلار ھاياتلىق دەۋرىنىڭ بىرىنچى يېتىلىش باسقۇچى كۆزدە تۇتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نەسىل، ئەۋلاد:[مىسال:] تۇخۇمىنى قۇرۇتماق.

تۇخۇمەك

  • تۇخۇمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. تۇخۇمەك دەرىخى. گۈلى ۋە ئۇرۇقىدىن سېرىق بوياق ئېلىنىدۇ. گۈلى، مېۋىسى ۋە يىلتىز پوستى دورا قىلىنىدۇ، قاننى سوۋۇتۇش، قان توختىتىش رولىغا ئىگە.

تۇخۇمەكلىك

  • تۇخۇمەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇخۇمەك كۆپ ئۆسكەن ۋە كۆپ ئورۇنلاشقان جاي.

تۇخۇمچى

  • تۇخۇمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇخۇم ئېلىپ-سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى:[مىسال:] كەنجى بۇرۇلۇپ تۇخۇمچى ئايالنىڭ قېشىغا كەلدى.

تۇخۇمچىلىق

  • تۇخۇمچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇخۇم ئېلىپ سېتىش تىجارىتى:[مىسال:] تۇخۇمچىلىق قىلماق.

تۇخۇمچىلىك

  • تۇخۇمچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇخۇمنىڭ چوڭلۇقىدىكى؛ كىچىككىنە:[مىسال:] يەرلىرىنىڭ چېكى يوق، تۇخۇمچىلىك تېشى يوق.

تۇخۇمدان

  • تۇخۇمدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاياللارنىڭ ۋە چىشى ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىش بېزى. ئادەملەرنىڭ تۇخۇمدېنى قورساق بوشلۇقىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى داس سۆڭىكىنىڭ ئىچكى تەرىپىگە جايلاشقان بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>دېھقانچىلىق<[يەشمىسى:] مۇخلار، پاپورتنىكلار ۋە يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئانىلىق كۆپىيىش ئەزاسى. كۆپ ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، شەكلى بوتۇلكىغا ئوخشايدۇ، قورساق قىسمى ۋە بويۇن قىسمى دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. قورساق قىسمىدا بىر دانە تۇخۇم ھۈجەيرىسى بولىدۇ.

تۇخۇمسىمان

  • تۇخۇمسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇخۇمغا ئوخشاش، تۇخۇم شەكىللىك:[مىسال:] دىل كۆزىدە-ئۆتكۈر كۆزۈمدە، باقتىم ئاڭا يېنىش-يېنىشلاپ. تۇخۇمسىمان سۈزۈك ئەپتىدىن، ياندى پارلاپ كۈچلۈك نۇر-ئاپتاپ.

تۇخۇملاتماق

  • تۇخۇملاتماق[يەشمىسى:] «تۇخۇملىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تۇخۇملۇق

  • تۇخۇملۇق[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تۇخۇم ئارقىلىق، تۇخۇم بىلەن:[مىسال:] تۇخۇملۇق كۆپىيىش.

تۇخۇملىماق

  • تۇخۇملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۇخۇم سالماق، تۇخۇم تۇغماق:[مىسال:] ياتار جايى كارىزدا، تۇخۇملايدۇ، جىقلايدۇ. بىرى بىر دان چوقۇسا، ھوسۇلىمىز كەملەيدۇ.

تۇرⅠ

  • تۇرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقا جايلارنى كۆزىتىش، بەلگە بېرىش ئۈچۈن ياسالغان ئېگىز قۇرۇلما، قىيا دۆڭ:[مىسال:] ئۇلار بىجەن تۇردا ئۇچراشتى.

تۇرⅡ

  • تۇرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] تۇرۇلغا قاتارلىق قۇشلارنىڭ سايرىشىدىن ئاڭلانغان ئاۋاز.

تۇراⅠ

  • تۇراⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىلادىيەⅤئەسىردىن ئىلگىرىكى قەدىمكى مىللەت، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەلىرىدىن بىرى.

تۇراⅡ

  • تۇراⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مەلۇم ئېگىزلىكتىكى، ئەتراپى قورشىلىپ مۇداپىئە قىلىنغان ۋە تۇرۇش، ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن تەييارلانغان جاي.[يەشمىسى:] ② ئېگىز بوي، قامەت:[مىسال:] ئۇزۇن تۇرا.

تۇرابېگى

  • تۇرابېگى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۇرا+بەگ+ى[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] تۇرادىكى لەشكەرلەر ۋە تۇرا ئورۇنلاشقان كەنت بېگى.

تۇرار

  • تۇرار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇرىدىغان، تۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن:[مىسال:] تۇرار جاي.

تۇرارلىق

  • تۇرارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇرىدىغان، ئولتۇراقلاشقان:[مىسال:] دائىمىي تۇرارلىق ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ سانى بەزىدە مىڭ، بەزىدە بىرقانچە مىڭدىن ئاشاتتى.

تۇراق

  • تۇراق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① توختاش، تۇرۇش ھالىتى:[مىسال:] ئى كۆڭۈل ھوشيارى بول بىخۇد تۇراقتىن پايدا يوق، بولمىسا باغىڭدا گۈل يانتاق-شىۋاقتىن پايدا يوق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بارماق ۋەزنىدە يېزىلغان شېئىر مىسرالىرىدىكى بۇغۇملارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە گۇرۇپپىلىنىشى.

تۇراقسىز

  • تۇراقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇراقلىق ۋە مۇقىم بولمىغان، دائىم بىر خىل ھالەتتە ئەمەس، ئۆزگىرىشچان:[مىسال:] ئۇ قىزنىڭ مىجەزى تۇراقسىز ئىكەن.

تۇراقسىزلاندۇرماق

  • تۇراقسىزلاندۇرماق[يەشمىسى:] «تۇراقسىزلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تۇراقسىزلاندۇرۇشماق

  • تۇراقسىزلاندۇرۇشماق[يەشمىسى:] «تۇراقسىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۇراقسىزلاندۇرۇلماق

  • تۇراقسىزلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تۇراقسىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تۇراقسىزلانماق

  • تۇراقسىزلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۇراقسىز، ئۆزگىرىشچان بولۇپ قالماق؛ ئىككىلەنمەك:[مىسال:] قىزنىڭ بۇ سۆزىدىنلا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ توي ئىشىدا ئىككىلىنىپ، مەسلىھەتنىڭ تۇراقسىزلىنىپ قالغانلىقى بىلىنەتتى.

تۇراقسىزلىق

  • تۇراقسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇراقسىز ھالەت؛ مەيدانسىزلىق؛ ئۆزگىرىشچانلىق.

تۇراقلاشتۇرماق

  • تۇراقلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «تۇراقلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مال باھاسىنى تۇراقلاشتۇرماق.

تۇراقلاشتۇرۇلماق

  • تۇراقلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تۇراقلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مائارىپ خىزمىتى چىڭ تۇتۇلغانلىقتىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيىسى تۇراقلاشتۇرۇلدى.

تۇراقلاشماق

  • تۇراقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تۇراقلىق، مۇقىم ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] مال باھاسى تۇراقلاشتى.[يەشمىسى:] ② بىرەر جايدا ياشاپ، ئورۇنلىشىپ تۇرۇپ قالماق:[مىسال:] نۇرغۇن دېھقانلار شەھەرلەرگە بىر ئىككى يىلدىلا تۇراقلىشىپ قالدى.

تۇراقلانماق

  • تۇراقلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۇراقلىق، مۇقىم ھالەتكە كەلمەك، تۇراقلاشماق:[مىسال:] ئىدىيە تۇراقلانماق.

تۇراقلىق

  • تۇراقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۆزگەرمەيدىغان، مۇقىم:[مىسال:] ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇراقلىق، مۇستەھكەم سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.[يەشمىسى:] ② مەلۇم تۇراقلارغا ئىگە بولغان، تۇراقلارغا بۆلۈنگەن:[مىسال:] تۇراقلىق بېرىكمە.

تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى

  • تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزىنىڭ سىنتاكسىسلىق يول بىلەن زىچ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان، بىرىكىش شەكلى ۋە مەنە جەھەتتىن تۇراقلاشقان، بىر سۆز ئورنىدا قوللىنىلىدىغان بىرىكمە. تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسىنىڭ تەركىبىدىكى سۆزلەر شۇ بىرىكمىدىن ئايرىلسا ياكى ئورنىغا باشقا سۆز ئالماشتۇرۇلسا، تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسىنىڭ مەزمۇنىغا دەخلى يېتىدۇ. تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى ئادەتتە ئۇدۇل مەنە بېرىدىغان تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى ۋە ئىدىئوم دېگەن ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.

تۇراقلىق ئىبارە

  • تۇراقلىق ئىبارە[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] فونېتىكىلىق قۇرۇلمىسى، مەنىسى تۇراقلاشقان سۆز بىرىكمىلىرى ۋە جۈملىلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «تۇراقلىق ئىبارە» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئادەتتە ئىنسانلار ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن، ئىدىئوملۇق مەنە بېرىدىغان تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرى، ماقال-تەمسىل، شۇنداقلا شەكىل ۋە مەنە جەھەتتىن تۇراقلاشقان سۆز بىرىكمىلىرى ۋە بەزى جۈملىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۇرالغۇ

  • تۇرالغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يېتىپ-قوپۇپ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن تەييارلانغا جاي، ئۆي ئىمارەت:[مىسال:] بۇ جاي قاسىمجان قەمبىرىنىڭ يېتىپ-قوپۇشى ئۈچۈن تاللىۋېلىنغان ۋاقىتلىق تۇرالغۇ بىناسى ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇقىملىق، تۇراقلىق؛ تۇتام:[مىسال:] ئادەم كۆڭلىكىنىڭ تۇرالغۇسى يوق.

تۇرالغۇسىز

  • تۇرالغۇسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تۇرىدىغان جاي (تۇرالغۇسى) يوق:[مىسال:] تۇرالغۇسىز ئادەم.[يەشمىسى:] ② مۇقىملىقى، تۇراقلىقى بولمىغان، ئۆزگىرىپ تۇرىغان، تۇتۇرۇقسىز:[مىسال:] بىر رەھبەرنىڭ قىلغان گېپى تۇرالغۇسىز بولسا، ئۇنىڭ زىيىنى چوڭ بولىدىكەن.

تۇربىنا

  • تۇربىنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] سۇ، پار ياكى گاز كۈچى بىلەن ئىشلەيدىغان دۋىگاتېل.

تۇربىنىلىق

  • تۇربىنىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇربىنىغا ئىگە بولغان، تۇربىنا بېكىتىلگەن.

تۇرپى

  • تۇرپى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] خىلمۇخىل.

تۇر-تۇر

  • تۇر-تۇر[يەشمىسى:] «تۇرⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] تۇر-تۇر سايرىماق.

تۇرخۇن

  • تۇرخۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوتنىڭ ئىسى چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئوچاق، پار قازىنى قاتارلىقلارغا ئورنىتىلغان كاناي شەكىللىك قۇرۇلما.

تۇرخۇنلۇق

  • تۇرخۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇرخۇنى بار، تۇرخۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان:[مىسال:] يېڭى-يېڭى ئېگىز تۇرخۇنلۇق زاۋۇت بىنالىرى قەد كۆتۈرمەكتە.

تۇرسا-قوپسا

  • تۇرسا-قوپسا[يەشمىسى:] دائىم، ھەمىشە:[مىسال:] قاراقچىنىڭ كەيپى، روھىي ھالىتى، تۇرسا-قوپسا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمەيتتى.

تۇرشاۋۇل

  • تۇرشاۋۇل [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەربىي يۈرۈشتە ياكى ئۇرۇشتا، قوشۇنلارنىڭ ئالدىدا ماڭغۇچى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاشۇنداق كىشى.

تۇرشاۋۇللۇق

  • تۇرشاۋۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇرشاۋۇل قوشۇن باشلىقلىق مەنسىپى:[مىسال:] ئۇ ئالدى قوشۇننىڭ تۇرشاۋۇللۇقىغا بەلگىلەندى.

تۇرغاق

  • تۇرغاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] قەدىمكى زاماندا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ئىككىنچى بىر تەرەپكە كاپالەتكە ئەۋەتىلگەن ئادەم. بۇنداق ئادەملەر كۆپ ھاللاردا خانزادە ياكى بەگزادىلەردىن تاللىنىدۇ.

تۇرغان-پۈتكىنى

  • تۇرغان-پۈتكىنى[يەشمىسى:] يۈرۈش-تۇرۇش، سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى، ھەممە ئىشى:[مىسال:] ئۇنىڭ تۇرغان-پۈتكىنى ئەسكىلىك.

تۇرغۇچ

  • تۇرغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قۇرئان ۋە ھەپتىيەكلەردىكى ھەربىر ئايەتتىن كېيىن، توختاپ ئوقۇش ئۈچۈن قويۇلغان يۇمىلاق، گۈللۈك بەلگە.[يەشمىسى:] ② گەپنىڭ ئاخىرلىشىپ، توختايدىغان جايى، توختايدىغان نۇقتا:[مىسال:] گەپ دېگەننىڭ تۇرغۇچى بار (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەيدان، مەۋقە، تۇراق:[مىسال:] بۇنى ئاز دەپ يەنە سىڭلىم، تېپىلماس سىزدە بىر تۇرغۇچ. قاياققا بۇرىسا ئەپلىك، ئۇچارسىز ئەينى پىرقىرىغۇچ.

تۇرغۇچلۇق

  • تۇرغۇچلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇرغۇچى بار، تۇرغۇچ قويۇلغان، تۇرغۇچ بىلەن بۆلەكلەرگە ئايرىلغان:[مىسال:] تۇرغۇچلۇق گەپ.

تۇرغۇزماق

  • تۇرغۇزماق[يەشمىسى:] ① «تۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىر ئاخشىمى ئابلىز مېھرىنى ئويغىتىپ، ئورنىدىن تۇرغۇزدى.[يەشمىسى:] ② بېكىتمەك، بەلگىلىمەك:[مىسال:] بىز زاكىرنىڭ ماتېرىيالىنى رەتلەپ، ئۇنىڭغا ئەنزە تۇرغۇزدۇق.[يەشمىسى:] ③ ئورۇنلاشتۇرماق، تىكمەك:[مىسال:] باشقا ھويلىلارغا ئوخشاش، بۇ ھويلىنىڭ ئالدىغىمۇ بىر جۈپ تاش شىر تۇرغۇزۇپ قويۇلغان.

تۇرغۇزۇلماق

  • تۇرغۇزۇلماق[يەشمىسى:] «تۇرغۇزماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئايۇپ شۇجى قاتارلىق كونا ھوقۇقدارلارمۇ يالاپ ئېلىپ كېلىنىپ، ئەنە شۇ نەرسىلەرنىڭ يېنىغا تۇرغۇزۇلدى.

تۇرغۇسىز

  • تۇرغۇسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇرغۇچىلىكى يوق، تۇرالمايدىغان، تۇرۇش ئىمكانىيىتى قالمىغان:[مىسال:] تۇرغۇسىز بولۇپ كەتمەك.

تۇرغۇن

  • تۇرغۇن[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر جايدا تۇرۇپ ئادەتلىنىپ قالغان، ئورۇنلاشقان، ماكانلاشقان:[مىسال:] تۇرغۇن قۇشلار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزگەرمەس، مۇقىم، تۇراقلىق:[مىسال:] تۇرغۇن ھالەت.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەرىكەت قىلمايدىغان، توختاپ قالغان:[مىسال:] تۇرغۇن سۇ.[يەشمىسى:] ④ كۆكتوقاي ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.[يەشمىسى:] ⑤ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

تۇرغۇن سۆز

  • تۇرغۇن سۆز[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] مۇستەقىل سۆزلەر تۈركۈمىدىكى پېئىلدىن باشقا ئىسىم، سۈپەت، ئالماش، رەۋىش، سان ۋە مىقدارلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئاتىلىشى. بۇلارنىڭ ئورتاق گرامماتىكىلىق شەكىللەر بىلەن تۈرلىنىدىغانلىقى نەزەرگە ئېلىنغان.

تۇرغۇنلۇق

  • تۇرغۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۇرغۇن ھالەت:[مىسال:] سۇنىڭ تۇرغۇنلۇقى.[يەشمىسى:] ② ئۆزگەرمەسلىك، مۇقىملىق، ھەرىكەتسىزلىك:[مىسال:] شۇ سەۋەبتىن بۇ ھاكىمىيەتنىڭ سىياسىي ھاياتى ئۇزاققىچە مۇقىم، تۇرغۇنلۇققا ئىگە بولغان.

تۇرق

  • تۇرق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تاشقى قىياپەت، كۆرۈنۈش، ھالەت:[مىسال:] ئۇنىڭ تۇرقى ئەجەب دادىسىنىڭ ياشلىق ۋاقتىغا ئوخشايدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پەيت، ۋاقىت، مەزگىل:[مىسال:] مۇشۇ تۇرقىدا تىرناقچىلىك بىر يەر تېشىلسىدى، راسا داش قازانغا چۈشكەن بولاتتۇق.

تۇرماق

  • تۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئايىغىغا تايىنىپ تىك ھالەتتە بولماق:[مىسال:] تىز پۈكۈپ ياشىغاندىن تىك تۇرۇپ ئۆلگەن ياخشى (ماقال).[يەشمىسى:] ② ھەرىكەتتىن توختاپ قالماق:[مىسال:] شۇنداق تېز كېلىۋاتقان رۇستەم كۆل بويىدىكى ئاينىسانى كۆرۈپلا تۇرۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ③ ياتقان، ئولتۇرغان جايىدىن قوزغىلىپ تىك بولماق، قوپماق:[مىسال:] ئىشىكنى چەكمەيلا ئۆيىگە بىرى كىرىپ كەلگەندىن كېيىنلا، ئۇ چۆچۈپ ئورنىدىن تۇردى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئويغانماق، ئۇيقۇدىن قوپماق:[مىسال:] ئەتىسى مەن سىگنال چېلىشتىن بۇرۇنراق تۇردۇم. قارىسام، تۇرسۇن بىلەن مۇئاۋىن بەنجاڭ ئورنىدا يوق ئىدى.[يەشمىسى:] ⑤ بىرەر ۋەزىيەت، ھالەت، مەۋقەنى ئىگىلىمەك:[مىسال:] ئامما تەرەپتە تۇرماق. ئىلغارلار قاتارىدا تۇرماق.[يەشمىسى:] ⑥ جايلاشماق، ئورۇنلاشماق:[مىسال:] كىتاب جوزا ئۈستىدە تۇراتتى.[يەشمىسى:] ⑦ بىرەر ئورۇن، بىرەر جاينى ماكان تۇتۇپ ياشىماق، تۇرمۇش كەچۈرمەك:[مىسال:] بۇ، بۇرۇن بىز تۇرغان مەھەللە.[يەشمىسى:] ⑧ مەلۇم ھالەتتە كۆرۈنمەك:[مىسال:] مەتباقى يېتىپ كەلگەندە، ئىشىكلەر داغدام ئېچىقلىق تۇراتتى.[يەشمىسى:] ⑨ قالماق، ساقلانماق:[مىسال:] ئۇ كەلگەن كۈنى ماگىزىن ۋە ئامباردا تۇرۇپ كەتكەن دۆۋە-دۆۋە كىتابلارنى كۆردى.[يەشمىسى:] 01 كۈتمەك، ساقلىماق:[مىسال:] بىرئاز تۇرايلى، ماگىزىن ئېچىلىپ قالار.[يەشمىسى:] 11 ياشىماق، تۇرمۇش كەچۈرمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.[يەشمىسى:] 21 تىرىك قالماق، ئۆمۈر كۆرمەك:[مىسال:] ئانام رەھمىتى 14 پەرزەنت كۆرگەنىدى، لېكىن تۇرغىنى بىز تۆتىمىز ئىكەنمىز.[يەشمىسى:] 31 ئۆزگەرمەي، تەسىرىگە ئۇچرىماي، ئۆز ھالىتى ۋە ئەسلىنى ساقلىماق:[مىسال:] جۇماتاي ئۆز پىكرىدە قاتتىق تۇرۇۋالدى.[يەشمىسى:] 41 بۇزۇلماي، ئۆزگەرمەي ساقلانماق:[مىسال:] پەيزىۋاتنىڭ قارىكۆسەي قوغۇنى قىش ۋە ئەتىيازدا بۇزۇلماي، خېلى ئۇزۇن تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] 51 كەپلەشمەك، كىرمەي ياكى چىقماي، مەلۇم بىر جايدا توختاپ قالماق:[مىسال:] گالدا نان تۇرسا، سۇغا يۈگۈر، گالدا سۇ تۇرسا، گۆرگە يۈگۈر (ماقال).[يەشمىسى:] 61 مەلۇم ھالەتنى ساقلىماق، داۋاملاشتۇرماق:[مىسال:] جىم تۇرماق.[يەشمىسى:] 71 ئۆزىنى مەلۇم بىرنەرسە تەرەپتە قويۇشنى ياكى بىر ئىشنى قىلىشنى تاللىماق:[مىسال:] سەن ياكى بېرىشقا تۇر، ياكى قېلىشقا تۇر.[يەشمىسى:] 81 مەۋجۇت بولماق، بار بولماق؛ ئۇچرىماق:[مىسال:] گۈلخاننىڭ ئالىقىنىدا ئۆزى ئۆزىگە تونۇش بولغان ئىككى نەرسە تۇراتتى.[يەشمىسى:] 91 تۇتماق، چۈشۈپ كەتمەي چاپلىشىپ قالماق:[مىسال:] ارىمامدىلا ھەدە، ماۋۇ نان تونۇردا ھېچ تۇرمايدۇغۇ-تاڭ[يەشمىسى:] 02 «ئۇ ياقتا تۇرسۇن، تۈگۈل» دېگەن ئىنكار مەنىسىدە يۈكلىمە رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] بىراق ئابدۇللانىڭ ئۆيى تۇرماق، پاناھلانغۇدەك بىرەر يېرىمۇ يوق.[يەشمىسى:] 12 تۇرغۇن سۆز ياكى تۇرغۇن سۆز بىرىكمىلىرىگە قوشۇلۇپ، باغلامچىلىق رول ئارتقۇرىدۇ ۋە تۇرغۇن سۆز ياكى تۇرغۇن سۆز بىرىكمىسى ئىپادىلىگەن پاكىتنىڭ مەلۇم ئىشقا قارشى ھالدا مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] قار ياغقان تۇرسا، ئوت قالىمىسا قانداق بولىدۇ[يەشمىسى:] 22 «-غىلى، -قىلى، -گىلى، -كىلى» بىلەن ئىپادىلەنگەن رەۋىشداش شەكلىگە قوشۇلۇپ، پېئىلنىڭ باشلانما تۈسىنى ياسايدۇ:[مىسال:] جاندىن ئەزىز كۆرىدىغان كىتابلار ئوتتا كۆيگىلى تۇردى.[يەشمىسى:] 32 رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ، تۈس ياردەمچىسى رولىدا تۆۋەندىكى مەنىلەردە كېلىدۇ: 1) ھەرىكەتنىڭ دائىم تەكرارلىنىشىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ بىزنىڭكىگە كېلىپ تۇرىدۇ. ئۇنتۇپ قالماي خەت يېزىپ تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] 2) ھەرىكەتنىڭ ۋاقىتلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] خانقىز ئانا ئادىل سۇنغان قاچىنى ئەمدىلا قولىغا ئېلىپ تۇرۇشىغا، مەكتەپنىڭ ئىشچىسى مەترېھىم باغۋەن ياتاققا كىرىپ كەلدى.[يەشمىسى:] 3) «... دەپ» رەۋىشدىشى بىلەن قوشۇلۇپ كېلىپ، ئىش ھەرىكەتنىڭ تەييارلىق ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھارۋا ياللاي دېسەم، ھېچ يەردە ھارۋا يوق، سىزنىڭكىنى ئالساممىكىن دەپ تۇرۇپتىكەن.[يەشمىسى:] 42 «... دەك» بىلەن كەلگەن سۈپەتداشقا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئىش ھەرىكەتنىڭ ئورۇندالغان ھالىتىدىن دېرەك بېرىدىغان بىرەر ئالامەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇلار قايتىپ كەلگەندەك تۇرىدۇ، قاراپ باقايلى.[يەشمىسى:] 52 رەۋىشداش شەكلىدە ئالدىدىكى رەۋىشداشقا قوشۇلۇپ، ھەرىكەتنىڭ ئەينى ۋاقىتتا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇماق. * مېڭىپ تۇرۇپ كىتاب ئوقۇش زىيانلىق.[يەشمىسى:] 62 بەزى ئىسىملارغا قوشۇلۇپ، ئىسىملارنى پېئىللاشتۇرىدۇ:[مىسال:] قارشى تۇرماق. تاقابىل تۇرماق.[يەشمىسى:] 72 سۈپەتداش شەكلىدە ئورۇن كېلىشتە كېلىپ «بار بولماق، مەۋجۇت بولماق» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ:[مىسال:] ئاش تۇرغاندا، ناننىڭ نېمە ھاجىتى. * ماشىنا تۇرغىنىدا پىيادە يۈرىمىزمۇ[يەشمىسى:] 82 Ⅱشەخس بىرلىك سان بۇيرۇق مەيل شەكلىدە كېلىپ «كەت» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ:[مىسال:] تولا ئاۋارە قىلماي، نېرى تۇرە

تۇرمالىن

  • تۇرمالىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال، يەنى تەركىبى مۇرەككەپ بولغان بورلۇق سىلىكات بولۇپ، قارا، يېشىل، كۆك، قىزىل قاتارلىق رەڭلەردە ۋە ئەينەك پارقىراقلىقىدا بولىدۇ. ئۇ رەڭگى چىرايلىق سۈزۈك كرىستال بولۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭدىن زىننەت بۇيۇملىرى ياسىلىدۇ. ئۇ يەنە فىزىئوئېلېكترىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، سىمسىز رادىئو سانائىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

تۇرمۇش

  • تۇرمۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىنساننىڭ ياشاش، تەرەققىي قىلىش ۋە تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىلمۇخىل پائالىيىتى:[مىسال:] تۇرمۇش — بەختنىڭ بۆشۈكى، تۇرمۇش — بەختنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى.[يەشمىسى:] ② ياشاش، تىرىكچىلىك قىلىشتا زۆرۈر بولغان كىيىم-كېچەك، ئوزۇق قاتارلىق ۋاسىتىلەرگە ئېرىشىش ئەھۋالى؛ مەئىشەت:[مىسال:] ئىككى ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىشى راۋاجلىنىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆسۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى.[يەشمىسى:] ③ توي قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئەر-خوتۇنلۇق:[مىسال:] تۇرمۇش قۇرماق. تۇرمۇشقا چىقماق.

تۇرمۇشلۇق

  • تۇرمۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نىكاھلىق، ياتلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ قايتا تۇرمۇشلۇق بولغۇسى كەپتۇ.

تۇرنا

  • تۇرنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. بېشى كىچىك، بوينى ئۇزۇن، تۇمشۇقى ئۇزۇن ۋە تۈز، پۇتى ئۇزۇن ھەم ئىنچىكە، پەي، تۈكلىرى ئاق ياكى كۈل رەڭ كېلىدۇ؛ دائىم دەريا بويلىرى ياكى دېڭىز قىرغاقلىرىدا بېلىق ۋە ھاشارات تۇتۇپ يەيدۇ، ئادەتتە ئاق تۇرنا، كۈل رەڭ تۇرنا قاتارلىق تۈرلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ.

تۇرۇبا

  • تۇرۇبا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>سانائەت<[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇق، گاز، پار ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، مېتال ياكى ساپالدىن ياسالغان نور.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل نور ئارقىلىق كەلتۈرۈلگەن سۇ بىلەن كىشىلەرنى تەمىنلەش مەقسىتىدە ئائىلە، زاۋۇت، كان-كارخانا قاتارلىق ئورۇنلارغا ئورنىتىلغان قۇرۇلما:[مىسال:] تۇرۇبا سۈيى. تۇرۇبا ئورناتماق.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] مىستىن ياسالغان دۇخوۋوي چالغۇ. ئېغىزى چىنە شەكلىدە بولىدۇ. ئادەتتە پورشېن ئورنىتىلغان بولۇپ، چالغاندا ياڭراق ئاۋاز چىقىرىدۇ.

تۇرۇبىلىق

  • تۇرۇبىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇرۇبىسى بار، تۇرۇبا بېكىتىلگەن:[مىسال:] تۇرۇبىلىق ئۆي.

تۇرۇپⅠ

  • تۇرۇپⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئادەتتە كۆكتات ھېسابلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئوق يىلتىزى.

تۇرۇپⅡ

  • تۇرۇپⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارتا ئويۇنىدا، ئويۇن تۇتۇلغان قارتىنى تاشلاشتا ئاتىلىدىغان سۆز.

تۇرۇپ-تۇرۇپ

  • تۇرۇپ-تۇرۇپ[يەشمىسى:] بىردەم-بىردەم، توختاپ-توختاپ:[مىسال:] ئۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ چوڭقۇر ئۇھ تارتاتتى.

تۇرۇپكا

  • تۇرۇپكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] تېلېفوننىڭ ئاڭلاش ۋە سۆزلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قىسمى.

تۇرۇپكىلىق

  • تۇرۇپكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇرۇپكىسى بار، تۇرۇپكىغا ئىگە، تۇرۇپكا ئورنىتىلغان:[مىسال:] تۇرۇپكىلىق تېلېفون.

تۇرۇپلۇق

  • تۇرۇپلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇرۇپ تېرىلىدىغان يەر، ئېتىز.

تۇرۇشلۇق

  • تۇرۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇرىدىغان، ئورۇنلاشقان، جايلاشقان:[مىسال:] ئەپەندىم تۇرۇشلۇق يەردىكى مەسچىتلەرنىڭ مۇنارى يوق ئىكەن.

تۇرۇشماق

  • تۇرۇشماق[يەشمىسى:] «تۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە قوراللانغان ئىشپىيونلار تاياقتەك قېتىپ، تىك تۇرۇشاتتى.

تۇرۇقلۇق

  • تۇرۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] ① ئىسىم ياكى ئىسىم بىرىكمىسى، سۈپەت ياكى سۈپەت بىرىكمىسى ۋە رەۋىشداش ياكى سۈپەتداشلار بىلەن كېلىپ، ئۇلار ئىپادىلىگەن پاكىتنىڭ مەلۇم ئىشقا قارشى ھالدا مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدىغان قارشىلىق ھالىتى بولۇپ كېلىدۇ:[مىسال:] ئالدىمىزدا ھەممە ئىمكانىيەت بار تۇرۇقلۇق، بىز نېمىشقا كۆپرەك تۆھپە قوشۇشقا تۇتۇش قىلمايمىز[يەشمىسى:] ② «شۇنداق» دېگەن ئالماش بىلەن بىرىكىپ، ئالدىنقى جۈملىدىكى ئۇقۇمنىڭ كېيىنكى جۈملىدىكى ئوقۇمغا قارىمۇقارشى ھالدا مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدىغان قارشىلىق ھالىتى بولۇپ كېلىدۇ:[مىسال:] خالمۇرات خالىدەمدىن ئىككى ياش چوڭ، شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدۇ.

تۇرۇلغا

  • تۇرۇلغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. پەيلىرى توق بېغىر رەڭ بولىدۇ، يامغۇر يېغىش ئالدىدا ياكى ھاۋا ئەمدى ئېچىلغان ۋاقىتلاردا دەرەخلەرگە قونۇۋېلىپ «تۇر... تۇر...» قىلىپ سايرايدۇ.

تۇرۇلماق

  • تۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇزۇن ئۆتمەي داستىخان سېلىندى. كاۋاپ دەمسىز، مەي دەمسىز، مېۋە-چېۋە دەمسىز، ئۈزۈلمەي ئەكىرىپ تۇرۇلدى.

تۇرۇم

  • تۇرۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى ياغاچنىڭ بىرىنى تېشىپ ياكى ئويۇپ، يەنە بىرىنى ئۇچلاپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇلانغان ياكى چېتىلغان جايى:[مىسال:] ئەركەك تۇرۇم. چىشى تۇرۇم.

تۇرۇمتاي

  • تۇرۇمتاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] شۇڭقار ئائىلىسىگە كىرىدىغان يىرتقۇچ قۇش. تېنى 30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئەركىكىنىڭ ئارقا تەرىپى ئاچ يېشىل، پوكىنى سېرىق؛ چىشىسىنىڭ ئارقا تەرىپى قوڭۇر كېلىدۇ. ئادەتتە قۇشقاچ قاتارلىق كىچىك قۇشلارنى تۇتۇپ يەيدۇ، زىيىنى يوق، قوغدىلىدىغان قۇش.

تۇرۇنج

  • تۇرۇنج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① سۇزاپ ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ ياكى چاتقال. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ؛ مېۋە شۆپۈكى دورا قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

تۇزⅠ

  • تۇزⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاش تۇزىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى:[مىسال:] ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن، ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئىئونى بىلەن كىسلاتا قالدۇق ئىئونىدىن تۈزۈلگەن بىرىكمە.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاش-تاماق، غىزا، يېمەكلىك:[مىسال:] تۇزۇڭنى يەپ، تۇزلۇقۇڭغا چىچاي (ماقال).

تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاقماق

  • تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاقماق[يەشمىسى:] ياخشىلىققا يامانلىق قايتۇرماق، تۇزكورلۇق قىلماق.

تۇزⅡ

  • تۇزⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارتا ئويۇنىدىكى ئەڭ چوڭ، ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ۋە بىرلا قارتا بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن كارتا:[مىسال:] قاغىنىڭ تۇزى. چىللىكنىڭ تۇزى.

تۇزاق

  • تۇزاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھايۋان ۋە قۇشلارنى تۇتۇش ئۈچۈن، تۆمۈر ۋە ياغاچتىن ياسالغان بىر خىل قىسماققا ئوخشاش قۇرۇلما، قاپقان.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىراۋنى قولغا كەلتۈرۈش ياكى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىر، ئىشلىتىلگەن ۋاسىتە؛ ھىيلە-مىكىر:[مىسال:] تۇزاق قۇرماق. تۇزاققا چۈشمەك.

تۇزاقچى

  • تۇزاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۇزاق ياسىغۇچى؛ تۇزاق قۇرۇپ ئوۋ قىلغۇچى.[يەشمىسى:] ② كىشىلەرنى تۇزىقىغا چۈشۈرگۈچى:[مىسال:] بىز قاچانغىچە تۇزاقچىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ ۋەيران بولىمىز

تۇزاقچىلىق

  • تۇزاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۇزاق ياساش بىلەن شۇغۇللىنىش؛ تۇزاق بىلەن ئوۋ قىلىش:[مىسال:] تۇزاقچىلىق قىلماق.[يەشمىسى:] ② كىشىلەرنى تۇزىقىغا چۈشۈرۈش، دەسسىتىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] سەن قاچانغىچە تۇزاقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىسەن؟

تۇز-تائام

  • تۇز-تائام[يەشمىسى:] ئاش-نان، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىستېمال قىلىدىغان نەرسىلەر.

تۇز-تاماق

  • تۇز-تاماق[يەشمىسى:] «تۇز-تائام»غا قاراڭ:[مىسال:] شاۋۇدۇن خەدىچىنىڭ تۇز-تامىقىنى بىرقانچە قېتىم تېتىغان.

تۇز-تەم

  • تۇز-تەم[يەشمىسى:] ① ئاش-تاماقنىڭ تۇزىنىڭ تېتىغان ياكى تېتىمىغانلىقى، تەملىك ياكى تەمسىزلىكى:[مىسال:] ئۆي تامىقىنىڭ تۇز-تەمى جايىدا بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەسىرى ۋە قايىل قىلىش كۈچى:[مىسال:] مانا سىزدىن خېلى تۈز-تەمى بار گەپنى ئاڭلىدىم.

تۇزچى

  • تۇزچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇز كولاش ۋە ياكى تۇز سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى.

تۇزچىلىق

  • تۇزچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇز كولاش ئىشى ۋە تۇز سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش.

تۇزدان

  • تۇزدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تازىلانغان تۇزنى سالىدىغان كىچىك شېشە ياكى قۇتا.

تۇزسىراتماق

  • تۇزسىراتماق[يەشمىسى:] «تۇزسىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تۇزسىراشماق

  • تۇزسىراشماق[يەشمىسى:] «تۇزسىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆستەڭ چېپىۋاتقانلار ئىككى كۈندىن بېرى تۇزسىز ئۇماچنى ئىچىپ، تۇزسىرىشىپ كەتكەنىدى.

تۇزسىرىماق

  • تۇزسىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئورگانىزمدا تۇز يېتىشمەي قالماق، تۇزغا بولغان تەلەپ قانماي قالماق، تۇزنى خالاپ قالماق:[مىسال:] قويلار يازلىق يايلاققا يۆتكىلىش جەريانىدا تۇزسىراپ كەتكەنىدى.

تۇزسىز

  • تۇزسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تۇزى تېتىمىغان، تۇزى كەم:[مىسال:] تۇزسىز غىزا. تۇزسىز پولۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەزمۇنى يوق، مەنىسىز، تۇتۇرۇقسىز:[مىسال:] شائىرنىڭ نەپىس شېئىرلىرى ھازىر، ئۇنىڭ ئۈچۈن تۇزسىز سۆزلەرنىڭ يىغىندىسىدىن باشقا ھېچ نەرسە ئەمەس ئىدى.

تۇزسىزلىق

  • تۇزسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۇزى كەم، يېتەرلىك بولمىغان ھالەت، تۇزى يېتەرسىزلىك:[مىسال:] بۈگۈنكى شوۋىگۈرۈچنىڭ تۇزسىزلىقىدىن، ئاغزىمغىمۇ ئالالمىدىم.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەزمۇنسىزلىق، تۇتۇرۇقسىزلىق، قوپاللىق:[مىسال:] ئۆزىنىڭ كېلەڭسىزلىكىگە قارىماي، گېپىنىڭ تۇزسىزلىقىچۇ

تۇزكور

  • تۇزكور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]تۇز+كور[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] ياخشىلىقنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىغان، ياخشزىش ئەھۋالى؛ مەئىشەت:[مىسال:] ئىككى ئورۇننىڭ ئىشلەلۇقىنى چاقىدىغان، نانكور:[مىسال:] ئېيتە، تۇزكور بۇزۇق. سەن نېمىنى بىلىسەن ∥ مەن ئېشىنى يەپ، قازىنىنى چاقىدىغان تۇزكورلاردىن ئەمەسمەن.

تۇزكورلۇق

  • تۇزكورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇزكور كىشىلەرگە خاس ئىش-ھەرىكەت:[مىسال:] تۇزكورلۇق قىلماق.

تۇزلاتماق

  • تۇزلاتماق[يەشمىسى:] «تۇزلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قۇربان ئاكام قۇربانلىق قويىنى سويۇپ بولغاندىن كېيىن، ئوغلىغا تېرە ئۈچەينى تۇزلىتىپ، مەسچىتكە ئەۋەتتى.

تۇزلاشماق

  • تۇزلاشماق[يەشمىسى:] «تۇزلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھەممىسى بىر زىختىن ئىسسىق كاۋاپنى ئېلىپ، ئاپئاق تۇز پاراشوكىنى چېچىپ تۇزلىشىپ، ئاندىن يېيىشتى.

تۇزلانماق

  • تۇزلانماق[يەشمىسى:] «تۇزلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بىردەمدىلا خۇاجەر، قازان نېنى، پىششىق تۇخۇم، تۇزلانغان ئۆردەك تۇخۇمى پارتىزانلارنىڭ ئېتىكىگە تولۇپ كەتتى.

تۇزلۇقⅠ

  • تۇزلۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تەركىبىدە تۇز بار، تۇز ئارىلاشتۇرۇلغان.[يەشمىسى:] ② تۇز تەمى بىر ئاز يۇقىرى، تۇزى بىر ئاز كۆپ:[مىسال:] بۇ ئاش تۇزلۇق بولۇپ قاپتۇ.

تۇزلۇقⅡ

  • تۇزلۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېرىتىلگەن تۇزنى ساقلايدىغان چوڭ قاچا، ئىدىش:[مىسال:] ھاشىم ئاكام ئالدى بىلەن تۇزلۇقنى ئاشخانىنىڭ مورا بېشىدىكى تەكچىگە يۆتكىدى.

تۇزلىماق

  • تۇزلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۇز سەپمەك ياكى تۇزلۇق سۇغا چىلىماق:[مىسال:] بىز بۇ يىل كۈزدە بەسەي، سەۋزىلەرنى تۇزلىدۇق.

تۇزۇ

  • تۇزۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار مەملىكىتىمىزنىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدە ئولتۇراقلاشقان.

تۇزۇچە

  • تۇزۇچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇزۇلارغا خاس، تۇزۇلارغا ئائىت:[مىسال:] تۇزۇچە كىيىم. تۇزۇچە ئۆرپ-ئادەت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇزۇ تىلى.

تۇشⅠ

  • تۇشⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باراۋەر، تەڭ:[مىسال:] تۇش قىلماق.

تۇشⅡ

  • تۇشⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تامان، تەرەپ.

تۇشلۇق

  • تۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① باراۋەر كېلىدىغان، مۇناسىپ:[مىسال:] ئىسىت، مۇشۇ تارتقان جاپالىرىمغا تۇشلۇق، ئۆيگە كېلىپ قورساق تويغۇدەك تاماقلىنىۋالغان بولسامچۇ، كاشكى.[يەشمىسى:] ② لايىق، مۇۋاپىق، يارىشا:[مىسال:] ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق قىيىنچىلىقى بار، بىز بۇ تەرەپنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەك.[يەشمىسى:] ③ سىغىدىغان، پاتىدىغان:[مىسال:] ئىككى كارىۋاتقا تۇشلۇق ئۆي. پۇتۇمغا تۇشلۇق ئاياغ.[يەشمىسى:] ④ يېتىدىغان:[مىسال:] شۇ چاغدا بىر توغرام نانغا تۇشلۇقمۇ پۇلۇم يوق، ئاچ قالدىم.

تۇشمۇتۇشتىن

  • تۇشمۇتۇشتىن[يەشمىسى:] تەرەپ-تەرەپتىن:[مىسال:] مەھبۇسلار ئاسىيغا تۇشمۇتۇشتىن تېگىش قىلدى.

تۇغⅠ

  • تۇغⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بايراق، ئەلەم:[مىسال:] قوشۇن بېشىدا باشقىلاردىن پۇزۇرراق كىيىنگەن ئۈچ ئاتلىق چېرىك قىز بىر تۇغنى تىك تۇتۇپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② تۇپراق بېشىدىكى خادىلارغا ئېسىلغان قوتازنىڭ قۇيرۇقلىرى ۋە ئاق، قىزىل، سېرىق لاتىلار.[يەشمىسى:] ③ داخانلارنىڭ بىر ئۇچىنى ئۆينىڭ تورىسىغا، بىر ئۇچىنى يەرگە مەھكەم قىلىپ ئورناتقان ئارقىنى ۋە شۇ ئارقانغا باغلانغان ھەر خىل رەڭدىكى لاتىلار.

تۇغⅡ

  • تۇغⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېتىزلارغا سۇ تۇتۇش ئۈچۈن ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە سېلىنغان توپا توسۇق، تۇغان:[مىسال:] تۇغ سالماق. تۇغ تۇتماق.

تۇغان

  • تۇغان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇنى توسۇش، بوغۇش ئۈچۈن توپا، تاش ياكى سېمونتتىن تەييارلانغان قۇرۇلما:[مىسال:] سۇ كەلگۈچە تۇغان سال (ماقال).

تۇغ-ئەلەم

  • تۇغ-ئەلەم[يەشمىسى:] ① چوڭ-كىچىك، رەڭگارەڭ، ھەر خىل شەكىلدىكى بايراقلار:[مىسال:] كۆزۈمدە ئۇيقا يوق، خىيالىم شۇ تۇغ-ئەلەم كۆتۈرگەن بالىلاردا بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ② مازاردا خادىلارغا ئېسىلغان قوتاز قۇيرۇقلىرى، تۇغ ۋە ھەر خىل بايراقچىلار:[مىسال:] ھەزسۇلتاندا تۇغ-ئەلەم، قولىدا قىلىچ-قەلەم. يىغلىماڭلار ياش باللا، ئۆتۈپ كېتىدۇ ئالەم.

تۇغچى

  • تۇغچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۇغ، بايراق كۆتۈرۈپ ماڭغۇچى؛ بايراقچى.[يەشمىسى:] ② [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ۋاڭ ئوردىسىنىڭ كاتىپى. ۋاڭنىڭ ئىككى كاتىپى بولىدۇ، بىرى ۋاڭنىڭ يېنىدا، ئىچكىرىسىدە بولىدۇ؛ يەنە بىرى ئوردىدا بولىدۇ.[يەشمىسى:] ③ پوسكام ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

تۇغدۇرماق

  • تۇغدۇرماق[يەشمىسى:] ① «تۇغماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ ئىككى بايتىلى بولۇپ، ئات قېچىرى تۇغدۇرۇپ، ئۇنى بېقىپ كۈن كەچۈرەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەيدانغا كەلتۈرمەك، پەيدا قىلماق:[مىسال:] گۇمان تۇغدۇرماق. ۋەقە تۇغدۇرماق. ئەنزە تۇغدۇرماق.

تۇغ-شەددە

  • تۇغ-شەددە[يەشمىسى:] مازارلاردا خادىغا ئېسىلغان خىلمۇخىل بايراقچىلار ۋە چۆرىسىدىكى چىشلىق جىيەكلەر ھەم تۇمار شەكىللىك لاتىلار.

تۇغقان

  • تۇغقان[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزلىرى ياكى ئاتا-بوۋىلىرى بىر ئاتا-ئانىدىن تۇغۇلغان كىشى، قېرىنداش:[مىسال:] ئۇنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرى مىللىي ئارمىيە سېپىدە ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېرىنداشلىقى بولغان، بىر مەنبەلىك:[مىسال:] تۇغقان تىللار.

تۇغقانچىلىق

  • تۇغقانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇغقانلىق:[مىسال:] بۇ ئىككىسىنىڭ تۇغقانچىلىقى بار.

تۇغقاندارچىلىق

  • تۇغقاندارچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇغقانلار ئارا بولىدىغان مۇئامىلە، يېقىنچىلىق:[مىسال:] تۇغقاندارچىلىق قىلماق.

تۇغقانلاشماق

  • تۇغقانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۇغقان دەپ بىلمەك، قېرىنداشلارچە مۇئامىلە قىلىشماق:[مىسال:] پۈتۈن مىللەت قول تۇتۇشۇپ، تۇغقانلىشىپ، مىللىي زىتلىق، مىللىي غوۋغا يوقالغانىدى.

تۇغقانلىق

  • تۇغقانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى، باردى-كەلدى ئالاقىلىرى، تۇغقانچىلىق:[مىسال:] ئۇ مۇشۇنداق چاغدا تۇغقانلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

تۇغلۇق

  • تۇغلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇغ-ئەلىمى بار، تۇغ-ئەلەم ئېسىلغان:[مىسال:] تۇغلۇق مازار.

تۇغما

  • تۇغما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كىشى تۇغۇلغاندىلا ئۆزىدە مەۋجۇت بولغان، تەبىئىي:[مىسال:] تۇغما قارىغۇ. * بۇ خىل تۇغما مىجەزنى سۈنئىي ئۇسۇل ياكى باشقا بىرەر ۋاسىتە ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.[يەشمىسى:] ② كىچىك چېغىدىلا شۇ نەرسىنى بىلىپ بولغان، تۇغۇلغاندىن باشلاپ شۇ ئىشقا ئادەتلەنگەن:[مىسال:] ئۇلار تۇغما مەرگەنلەر بولۇپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ باينى ئازاد قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ بۇ يەرگە كەلگەنىدى.[يەشمىسى:] ③ يالىڭاچ، كىيىم-كېچەكسىز:[مىسال:] ھويلىدا تۆت-بەش ياشلىق بىرقانچە بالا ئانىدىن تۇغما ئويناپ يۈرەتتى.

تۇغماس

  • تۇغماس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تۇغمايدىغان:[مىسال:] تۇغماس كالا. تۇغماس قوي. * تۇغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② بالا تاپالمايدىغان، ئۇرۇقى ئۆلۈك (ئەر ھەققىدە):[مىسال:] تۇغماس سىلى ئەمەس، ئەرلىرىمىكىن دەيمىنا

تۇغماق

  • تۇغماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بالىياتقۇدىكى بالىنى ۋاقتى-سائىتىدە دۇنياغا كۆز ئاچتۇرماق:[مىسال:] سېتىۋالمىغۇچە، كالا بولماس؛ تۇغۇۋالمىغۇچە، بالا بولماس (ماقال). * بۇ خوتۇن ئەل ئۆمرىدە تۆتنى تۇغدى.[يەشمىسى:] ② بالىلىماق، موزايلىماق (كالا ھەققىدە)؛ تەخەيلىمەك (ئېشەك ھەققىدە)؛ كۈچۈكلىمەك (ئىت ھەققىدە)؛ تايلاقلىماق (تۆگە ھەققىدە):[مىسال:] ئەخمەت ئاكامنىڭ ئىنىكى ئىككىنى تۇغۇپتۇ.[يەشمىسى:] ③ تۇخۇم سالماق:[مىسال:] توخۇ سەمرىسە، تۇغمىقى تەس؛ ئادەم سەمرىسە، قوپمىقى تەس (ماقال).[يەشمىسى:] ④ كۆرۈنمەك، چىقماق:[مىسال:] ئاي تۇغقاندا تۇغقانمىدى مەشۇقۇم سىزنى، كۈن پاتقاندا تەۋرەتكەنمۇ بۆشۈكىڭىزنى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ياراتماق، يېتىشتۈرمەك، پەيدا قىلماق:[مىسال:] بۇ ئىش ئۇنىڭدا باشقىچە گۇماننى تۇغدۇرۇپ قويارمىكىن[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەسسىلەپ كۆپەيمەك، ئاشماق:[مىسال:] سىزنىڭ بىر تەڭگىڭىز يىلىغا ئون قېتىم تۇغسا گەپ يوق، بىزنىڭ تاغار ئۆمرىدە بىر قېتىم تۇغسا بولمامدىكەن

تۇغۇت

  • تۇغۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تۇغۇش جەريانى، تۇغۇش پائالىيىتى:[مىسال:] بۇ ياقۇپجاننىڭ ئايالى بولۇپ، ئىككىنچى تۇغۇتنىڭ تولغىقىنى پىشۇرۇۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② بالىلاش، تۇغۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش مەزگىلى (ھايۋانلار ھەققىدە).

تۇغۇتخانا

  • تۇغۇتخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] دوختۇرخانىلاردىكى ھامىلىدار ئاياللارنى تۇغدۇرىدىغان، تۇغۇت قوبۇل قىلىدىغان ئۆي.

تۇغۇتلىق

  • تۇغۇتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېقىندىلا تۇغقان، بالا تۇغۇپ ياتقان:[مىسال:] ئۇلاردىن كېيىن، تۇغۇتلۇق چوكاننى قولتۇقلىغان ئىككى ئايال ۋە دوختۇر ئارقا-ئارقىدىن چۈشۈشتى.

تۇغۇچەك

  • تۇغۇچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] خوتۇن-قىزلار چاچلىرىغا ئۇلايدىغان جالاغا قادىلىدىغان كۈمۈش تەڭگە، چاچتەڭگە.

تۇغۇر

  • تۇغۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئادەم ياكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ئاخىرقى ئۇچى. ئادەمنىڭ تۇغۇرى تۆت ياكى بەش تال كىچىك سۆڭەكتىن تەركىب تاپىدۇ.

تۇغۇش

  • تۇغۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۈرئەت، دادىللىق:[مىسال:] تۇغۇش تاپماق. تۇغۇش كىرمەك. تۇغۇش قىلماق.

تۇغۇشلۇقⅠ

  • تۇغۇشلۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپ تۇغىدىغان، تۇغۇش ۋە ئۇرۇقلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە:[مىسال:] تۇغۇشلۇق قوي.

تۇغۇشلۇقⅡ

  • تۇغۇشلۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دادىل، جۈرئەتلىك:[مىسال:] تۇغۇشلۇق ئادەم. تۇغۇشلۇق سۆزلىمەك. تۇغۇشلۇق بولماق.

تۇغۇشماقⅠ

  • تۇغۇشماقⅠ[يەشمىسى:] «تۇغماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۇغۇشماقⅡ

  • تۇغۇشماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ماس كەلمەك، باپ كەلمەك؛ ياراشماق، ئەپلەشمەك.

تۇغۇلماق

  • تۇغۇلماق[يەشمىسى:] «تۇغماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بىز مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆستۇق.

تۇغۇمچان

  • تۇغۇمچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپ تۇغىدىغان، تۇغۇۋېرىدىغان، تۇغۇشلۇق:[مىسال:] تۇغۇمچان ئايال.

تۇغۇمچانلىق

  • تۇغۇمچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆپ تۇغىدىغان خۇسۇسىيەت، ئالاھىدىلىك:[مىسال:] تۇغۇمچانلىق — ساغلام ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تۇغۇندى

  • تۇغۇندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۇزۇن تۇرغان، ھەممىدىن كونا كىشى:[مىسال:] ئۇ مۇشۇ زاۋۇتتىكى تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ تۇغۇندىسى ئىدى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بىرقەدەر ئاددىي بولغان بىرىكمە تەركىبىدىكى ئاتوم ياكى ئاتوملار گۇرۇپپىسىنىڭ باشقا ئاتوم ياكى ئاتوملار گۇرۇپپىسى بىلەن ئالمىشىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان مۇرەككەپ بىرىكمە. «ھاسىلە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تۇغۋېگى

  • تۇغۋېگى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۇغ+بەگ+ى[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ۋاڭلىق تۈزۈمدە ۋاڭنىڭ خاس مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى:[مىسال:] لەڭچى بەگلەر، ئالدى بىلەن تۇغۋېگىنىڭ يەرلىرىنىڭ بېشىدا توختىدى.

تۇغيان

  • تۇغيان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تاشقىن:[مىسال:] شىئېر-گۈلچەمبىرەك خۇددى، كىشىلەر ئېقىنى تۇغيان. يۈرەكنىڭ ساپ قېنى رەڭدار، گويا قەغەز بۇ كەڭ مەيدان.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىچكى تۇيغۇ دولقۇنلىرى، ھاياجان.[يەشمىسى:] ③ ئىسيان:[مىسال:] تۇغيان كۆتۈرمەك.

تۇف

  • تۇف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يانار تاغدىن ئېتىلىپ چىققان چاڭ-توزان قاتارلىق ماددىلارنىڭ قېتىشىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن تاغ جىنسى كۆپىنچە بېغىر ياكى كۈل رەڭ ھالەتتە ئۇچرايدۇ.

تۇفېلكا

  • تۇفېلكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاددىي ھايۋان. تەن شەكلى پاخال كەشنىڭ تېگىگە ئوخشايدۇ. توختام سۇدا ياشايدۇ، باكتېرىيە ۋە سۇ ئوتلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، تېنىنىڭ چۆرىسىدە كىرپىكسىمان تۈكچىلىرى بولىدۇ.

تۇڭ

  • تۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] سۇيۇق نەرسىلەرنى قاچىلايدىغان، ياغاچ، قاڭالتىر، سۇلياۋ قاتارلىقلاردىن ياسالغان قاچا:[مىسال:] ماي تۇڭى.

تۇڭچى

  • تۇڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ئېغىزچە تەرجىمان، تەرجىمان:[مىسال:] سوراقچىدىن تۇڭچى يامان (ماقال). * چالا تۇڭچى ئادەم ئۆلتۈرەر (ماقال).

تۇڭچىلىق

  • تۇڭچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] تەرجىمانلىق.

تۇڭخاۋ

  • تۇڭخاۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ياش غولى ۋە يوپۇرمىقى ئالاھىدە خۇشبۇي پۇرايدۇ، ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ يەنە بەلغەم بوشىتىش رولى بار.

تۇڭگو

  • تۇڭگو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] سۈتلۈك ئوت ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. مېۋىسى يېشىل، سوقىچاق ۋە ئۇچلۇق كېلىدۇ، ئۇرۇقىدىن ماي ئېلىنىدۇ؛ ياغىچى يۇمشاق ۋە يەڭگىل بولۇپ، ئۆي جابدۇقلىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.

تۇڭگۇس

  • تۇڭگۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] ياۋروپا ئالىملىرى قويغان ئالتاي تىللىرى تۈركۈمىگە تەۋە بىر قىسىم خەلقلەرنىڭ ئورتاق نامى. بۇنىڭغا مەملىكىتىمىزدىكى مانجۇلار، خېجېلار، ئېلۈنچۈن، ئېۋېنكې قاتارلىق مىللەتلەر كىرىدۇ.

تۇل

  • تۇل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېرى ئۆلۈپ كېتىپ ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپ يالغۇز قالغان، ئۆز ئالدىغا ئايرىم تۇرمۇش كەچۈرگەن:[مىسال:] تۇل خوتۇن. تۇل ئايال.

تۇلپار

  • تۇلپار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نەسلى ياخشى، چاپقۇر، يۈگۈرۈك ئات؛ ئارغىماق:[مىسال:] ئۇ سىرتقا چىقىپتۇ-دە، ئوغلىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن ئېگەرلەنگەن تۇلپارىنى مىنىپ، ھەممىنى تاشلاپ، يولغا راۋان بوپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئەپسانىلەردىكى قاناتلىق، ئۇچىدىغان ئات.

تۇلغا

  • تۇلغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قازان ئاسىدىغان ئۈچ پۇتلۇق تۆمۈر ئوچاق.

تۇللۇق

  • تۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەرسىز يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرۈش:[مىسال:] خوتۇن كىشىنىڭ تۇللۇقىدىن ئەركىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان (ماقال).

تۇلۇق

  • تۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① خاماندا بۇغداي، شال قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنىڭ دېنىنى پاخالدىن ئاجرىتىش ۋە ئۇرۇق سېلىنغان ئېتىزنىڭ يۈز قەۋىتىنى چىڭداشتا قوللىنىلىدىغان دېھقانچىلىق سايمىنى.[يەشمىسى:] ② ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنىڭ مۇشۇنداق شەكىلدىكى زاپچىسى.

تۇلۇقچى

  • تۇلۇقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم?JS] تۇلۇق سېلىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى.

تولۇقچىقوڭغۇز

  • تولۇقچىقوڭغۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تولۇقچى+قوڭغۇز[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات، پۈتۈن تېنى قارا، مەيدىسى ۋە پۇتىدا قارا قوڭۇر رەڭلىك ئۇزۇن تۈكلىرى بولىدۇ، تاپ ۋە تېزەك يەيدۇ، تېزەكلەرنى دۇمىلىتىپ تولۇق شەكلىگە كەلتۈرۈپ قويىدۇ.

تۇلۇقلۇق

  • تۇلۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تولۇقى بار، تۇلۇق ئورنىتىلغان:[مىسال:] تولۇقلۇق تاپانچا.[يەشمىسى:] ② تۇلۇق ياساشقا باب، مۇۋاپىق كېلىدىغان ياكى تۇلۇق ياساشقا يېتىدىغان:[مىسال:] ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدا ئىككى تۇلۇقلۇق ئۈجمە كۆتىكى بار ئىدى.

تۇلۇم

  • تۇلۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قورسىقىنى يارماي سويغان كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىقلارنىڭ تېرىسى.[يەشمىسى:] ② قورسىقىنى يارماي سويغان كالا، قوي، ئۆچكە تېرىسىدىن پىششىقلاپ تەييارلانغان خالتا. ئادەتتە ئىچىگە ئاشلىق، سۇ قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ، تاغار ۋە سۇ قاچىسى ئورنىدا ئىشلەتكىلى ھەم ئىچىگە ھاۋا توشقۇزۇپ، سۇ ئۈزۈشتە پايدىلانغىلى بولىدۇ.

تۇلۇمچاشقان

  • تۇلۇمچاشقان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۇلۇم+چاشقان[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئۆي چاشقىنىنىڭ بىر خىلى. تېنى ئادەتتىكى چاشقاندىن چوڭ، رەڭگى قوڭۇر ياكى توق قوڭۇر، قورسىقى ئاچ كۈل رەڭ، قۇيرۇقى ئۇزۇن بولىدۇ، تۆشۈك تېشىشقا ماھىر بولۇپ، زىيانداش ھېسابلىنىدۇ.

تۇلۇمچە

  • تۇلۇمچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تۇلۇم شەكلىدە، تۇلۇمدەك قىلىپ:[مىسال:] تۇلۇمچە سويماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك تۇلۇم:[مىسال:] تۇلۇمچىلارغا ھاۋا تىقىلدى، ئاغزى باغلىنىپ، جۈپ-جۈپ چېتىلدى.

تۇلۇمچىلاتماق

  • تۇلۇمچىلاتماق[يەشمىسى:] «تۇلۇمچىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تۇلۇمچىلاشماق

  • تۇلۇمچىلاشماق[يەشمىسى:] «تۇلۇمچىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۇلۇمچىلىماق

  • تۇلۇمچىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۇلۇمغا ئوخشاش ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] تۇلۇمچىلاپ سويماق.

تۇلۇمسىمان

  • تۇلۇمسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇلۇم شەكلىدىكى:[مىسال:] تۇلۇمسىمان خالتا.

تۇلىي

  • تۇلىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت، بەلگىسى .(thulium)Tu سىرەك يەر مېتاللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

تۇم

  • تۇم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «ناھايىتى، بەك» دېگەن مەنىدە رەڭنىڭ قېنىقلىق دەرىجىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] تۇم قارا. تۇم ئاق. تۇم سېرىق. * تالا تۇم قاراڭغۇ بولۇپ، سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى.

تۇمار

  • تۇمار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كونا ئادەت بويىچە كۆز تېگىشتىن، بالايىئاپەت ۋە جىندىن ساقلايدۇ دەپ قارالغان، ئىچىگە دۇئا پۈتۈلگەن قەغەز ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۈچ بۇرجەك رەخت. ئادەتتە كىشىلەر بوينىغا، چاچقا ئېسىۋالىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] داۋاملىق يېنىدا ساقلايدىغان، كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئەتىۋارلىق نەرسە؛ يادنامە.

تۇمارچە

  • تۇمارچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك تۇمار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇمارغا ئوخشاش، تۇمار شەكلىدىكى ئۈچ بۇرجەك:[مىسال:] تۇمارچە ئېتىز.

تۇمارچىلىماق

  • تۇمارچىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۇمار شەكلىگە كەلتۈرمەك. تۇمارچە ئۈچ بۇرجەك قىلماق:[مىسال:] ئاسىم خەتنى يېزىپ بولۇپ، تۇمارچىلاپ ئۈچ پۈكلەپ، ئېلىقۇلغا سۇندى.

تۇمارلىق

  • تۇمارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تۇمارى بار، تۇمار ئاسقان.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەتىۋارلىق، قىممەتلىك:[مىسال:] بىللە كەتمەي قېپقالدىڭ، خۇمارلىقىم، ياخشى قال. ھاياتىمنىڭ باھارى، تۇمارلىقىم ياخشى قال.

تۇماغا

  • تۇماغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆگىتىلگەن بۈركۈت، لاچىننىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ كۆزىنى توسىدىغان تېرە بۆكچە.

تۇماق

  • تۇماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئومۇمەن تېرە، كۆرپىدىن تىكىلگەن ئەر-ئاياللارنىڭ قىشلىق باش كىيىمى.

تۇماقچى

  • تۇماقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇماق تىكىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى.

تۇماقچىلىق

  • تۇماقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇماق تىكىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] تۇماقچىلىق قىلماق.

تۇماقلىق

  • تۇماقلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇمىقى بار، تۇماق كىيگەن:[مىسال:] تۇماقلىق ئادەم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇماق كىيگەن ئادەم:[مىسال:] چۈنكى ئۇ ھېلىقى سالۋار تۇماقلىقنىڭ چىرايىغا قاراشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەنىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇماق تىكىشكە بولىدىغان، تۇماققا باب:[مىسال:] ئۆيدە بىر تۇماقلىق كۆرپە بار ئىدى.

تۇمان

  • تۇمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندە ئاتموسفېرانىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ھاسىل بولغان سۇ ياكى مۇز زەررىچىلىرى:[مىسال:] تۇمان باسقان تاغلار.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] غەمكىنلىك؛ غەشلىك:[مىسال:] بۇنىڭدىن ھەر ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدىكى تارتىنىش، كۆڭلىدىكى تۇمانلار بىرئاز كۆتۈرۈلگەندەك بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاراڭغۇلۇق، زۇلمەت، زۇلۇم:[مىسال:] شۇ چاغلاردا شىنجاڭ ئاسمىنىنى تۇمان قاپلىغانىدى.[يەشمىسى:] ④ توپا-چاڭ:[مىسال:] ئۇ تۇردى ئاكامنىڭ گېپىدىن كېيىن، چىرايىدىكى توپا-تۇمانلارنى سۈپۈرۈۋەتمەكچى بولغاندەك، ئالىقىنى بىلەن يۈزىنى سۈرتتى-دە، ماقۇل بولدى.

تۇمانسىز

  • تۇمانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇمىنى يوق، تۇمان بىلەن قاپلانمىغان، ئوچۇق:[مىسال:] تاغلار بېشى تۇمانسىز، كۆيۈپ كەتمەڭ تۇيمايسىز. بىزنى يارغا قوشمىغان، دۈشمەن دېگەن ئىمانسىز.

تۇمانلاشتۇرماق

  • تۇمانلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «تۇمانلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەتىگەنلىكى بۇلاقلاردىن كۆتۈرۈلگەن ھور تاغ باغرىنى تۇمانلاشتۇرۇۋەتتى. * پەرۋانىلەر شامنىڭ پىلىلدىغان كۈچسىز نۇرىنى سىلكىتىپ، مۇئەللىمنىڭ خىيالىنى تېخىمۇ تۇمانلاشتۇراتتى.

تۇمانلاشتۇرۇلماق

  • تۇمانلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تۇمانلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تۇمانلاشماق

  • تۇمانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تۇمان پەيدا بولماق، تۇمان بىلەن قاپلانماق:[مىسال:] شىۋىرغان بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى، ھاۋا تۇمانلىشىپ، ئۇلارنى بىز ئوچۇق كۆرەلمەي قالدۇق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] غۇۋالاشماق، تۇتۇقلاشماق، خىرەلەشمەك:[مىسال:] ئۇ قانچە ئويلىسىمۇ بۇنىڭ تېگىگە يېتەلمىدى. يېتەلمىگەنسېرى ئۇنىڭ قەلبى شۇنچە تۇمانلاشتى.

تۇمانلىق

  • تۇمانلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇمانى بار، تۇمان بىلەن قاپلانغان:[مىسال:] تۇمانلىق ھاۋا ۋە يېپىشقاق پاتقاقلار كىشىلەر كۆڭلىنى بىزار قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زۇلمەتلىك، ئېچىنىشلىق:[مىسال:] ئۇ يېشىنى ئېيتقانچە كۆزىنى بىر توچكىغا تىكتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆتمۈشنىڭ تۇمانلىق، چىگىش كارتىنىسى ئەكس ئېتەتتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] غۇۋا، تۇتۇق، ئېنىق ئەمەس:[مىسال:] ئۇنىڭ خىياللىرىمۇ بېشى ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن ئاشۇ تاماكا ئىسىدەك تۇمانلىق ئىدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] تۇمانغا ئوخشاش كۆرۈنىدىغان بىر خىل ئاسمان جىسىمى. سامانيولى سىستېمىسى ئىچىدىكىسى گالاكتىكا ئىچىدىكى تۇمانلىق، سىرتىدىكىسى بولسا گالاكتىكا سىرتىدىكى تۇمانلىق ياكى گالاكتىكا سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

تۇمشۇق

  • تۇمشۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قۇشلارنىڭ ئېغىزىغا تۇتاش ئاستىن-ئۈستۈن بىر جۈپ جاغ ئورنىدىكى سوزۇنچاق، مۈڭگۈزسىمان ئەزا. قۇشلار ئۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلۇقنى چوقۇپ يەيدۇ، ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىدۇ ۋە چۈجىلىرىنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ:[مىسال:] ئۆردەكنىڭ تۇمشۇقى.[يەشمىسى:] ② ھايۋانلارنىڭ بېشىنىڭ بۇرۇن ئەتراپى قىسمى:[مىسال:] ئېشەكنىڭ تۇمشۇقى. ئاتنىڭ تۇمشۇقى.[يەشمىسى:] ③ لەۋ ۋە بۇرۇن ئەتراپى (ئادەملەر ھەققىدە):[مىسال:] تۇمشۇقىنى ئۇچلىماق. تۇمشۇقىنى سوزماق. * جان تۇمشۇققا كەلگۈچە جان بەرمە (ماقال).[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرغان قىسمى، بۇرنى:[مىسال:] تاغنىڭ تۇمشۇقى. * ئالماس ئۇزۇن خادىنى سۇ ئاستىغا قاتتىق بېسىپ، كېمە تۇمشۇقىنى دەرياغا بۇرىدى.[يەشمىسى:] ⑤ ئاقسۇنىڭ كونىشەھەر ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

تۇمشۇق بۇرىماق

  • تۇمشۇق بۇرىماق[يەشمىسى:] رەت قىلماق، قارشى چىقماق:[مىسال:] بۇ جاۋابنىڭ زەربىسى نامەتكە قىلغاچقا ئەلەم، بارسىلا چاپسان... دېدى ئۇ دوق قىلىپ تۇمشۇق بۇراپ.

تۇمشۇق تېرەپ

  • تۇمشۇق تېرەپ[يەشمىسى:] ئارانلا، مىڭ تەستە، بەك قېينىلىپ:[مىسال:] مەنمۇ سىفەننى تۇمشۇقۇمنى تېرەپ يۈرۈپ تۈگەتكەنىدىم. ئاخىرى مۇئەللىم بولالماي قالدىم.

تۇمشۇقىنى تۈرمەك

  • تۇمشۇقىنى تۈرمەك[يەشمىسى:] ياقتۇرماسلىق، رەت قىلىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ تۇمشۇقىنى تۈردى-دە، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، سەل-پەل سىرقىراپ تۇرغان كىچىك پۇتلىرىنى ئۇۋۇلاپ قويدى.

تۇمشۇقىنى سوزماق

  • تۇمشۇقىنى سوزماق[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىر تەرەپنى كۆرسىتىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇلار بۇ ئىشنى قانداق بىلىپ قاپتۇ ئۇ بوۋىسىنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ تۇمشۇقىنى سوزۇپ قويدى.[يەشمىسى:] ② يېقىنلىشىشقا، چاڭگال سېلىشقا ئۇرۇنماق:[مىسال:] نىزام: قوزىچاقنى بۆرىنىڭ يېنىدا قويغىلى بولمايدۇ، مەن كەتسەملا، باي ئىپلاس تۇمشۇقىنى قەمبەرنىساخانغا يەنە سوزىدۇ، دېدى.[يەشمىسى:] ③ دومسايماق، ماي تارتماق؛ يامانلىماق:[مىسال:] ھېلىمىخان ئەجەب تۇمشۇقىنى سوزۇپ قاپتۇغۇ؟

تۇمشۇقىنى ئۇچلىماق

  • تۇمشۇقىنى ئۇچلىماق[يەشمىسى:] ① ياقتۇرماسلىق، قارشىلىق، ھەسەت قىلىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] نېمە دېدى ئايالىم تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ، ھازىر قايسى ۋاقىت ئۆزىمىز بولساق، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن زىيالىي.[يەشمىسى:] ② ئۈمىدسىزلەنگەن، قايغۇرغان قىياپەتنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] نېمە بولدى، تۇمشۇقلىرىڭ ئېشەك باغلىغۇدەكلا ئۇچلىنىپ كېتىپتىغۇ[يەشمىسى:] ③ كۈلۈمسىرەش قىياپىتىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] سەن، دېدى خاسىيەت تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلاپ شوخلۇق بىلەن، ئۆمرۈڭدە بىر قېتىم ياخشى تەكلىپ بەردىڭ.

تۇمشۇقى ئۇزۇن

  • تۇمشۇقى ئۇزۇن[يەشمىسى:] ① ئوڭايلا خۇيلىنىدىغان، ھە دېسە باشقىلارغا دارىتىپ گەپ قىلىدىغان، باشقىلارغا تىل تەگكۈزىدىغان، جېدەلخور:[مىسال:] ئامىندداق ئىش بىزمۇ ئاڭلاپ باقايلى دەيدۇ ئىشىكتىن كىرىپلا تۇمشۇقى ئۇزۇن پاتەمخان ۋاتىلداپ.[يەشمىسى:] ② ھەرقانداق يەرگە ئۈسۈپ كىرىۋېرىدىغان.

تۇمشۇق يالاشماق

  • تۇمشۇق يالاشماق [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] سەلبىي مەنىدىكى سۆز.[يەشمىسى:] ناھايىتى يېقىن بولۇشۇپ كەتمەك، تېپىشماق؛ سۆيۈشمەك:[مىسال:] نومۇس نۇمۇسنى بىلىشسە، كۈپكۈندۈزدە، خەلقىئالەم ئالدىدا تۇمشۇق يالىشامدۇ

تۇمشۇقدىماق

  • تۇمشۇقدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۇمشۇقلۇق سالماق.

تۇمشۇقلۇق

  • تۇمشۇقلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇمشۇقى بار:[مىسال:] ئۇزۇن تۇمشۇقلۇق قۇشلار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خاماندا ئات، ئېشەك ۋە كالا قاتارلىقلارنىڭ تۇمشۇقىغا كىيدۈرۈلىدىغان كىچىك سېۋەت، سىم تور.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نوختا، يۈگەن قاتارلىقلارنىڭ ئات، ئېشەكنىڭ تۇمشۇقىغا كىيدۈرۈلىدىغان قىسمى.

تۇمۇ

  • تۇمۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «زۇكام»غا قاراڭ.

تۇمۇقىماق

  • تۇمۇقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] زۇكامدىماق، زۇكام تەگمەك:[مىسال:] ئاكام قاتتىق تۇمۇقاپتىكەن، بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى، مىدىرلىيالماي ياتىدۇ.

تۇمۇچۇق

  • تۇمۇچۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. تېنى قۇشقاچ چوڭلۇقىدا بولىدۇ، تۇمشۇقى قىسقا، ئۇچى قىزىل، تۈكلىرى سىلىق ۋە ئاچ قوڭۇر كېلىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭغا كەڭ تارالغان بولۇپ، ئىنتايىن چىرايلىق سايرايدۇ. بەزى كىشىلەر ئۇنى قەپەستە باقىدۇ.

تۇنجا

  • تۇنجا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەريا ۋە ئۆستەڭ ياقىلىرىدىكى قىش كۈنلىرى بېلىقلار قىشلايدىغان يېپىق كۆلچەك.

تۇنجۇقتۇرماق

  • تۇنجۇقتۇرماق[يەشمىسى:] «تۇنجۇقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] نېمە قىلماقچىسىلەر دېيىشىم بىلەن تەڭ بېشىمغا كونا ئەدىيالنى پۈركىدى-دە، بوينۇمدىن باغلاپ، تۇنجۇقتۇرۇپ سۆرەپ ماڭدى.

تۇنجۇقتۇرۇلماق

  • تۇنجۇقتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تۇنجۇقتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭدا ئوغرىلارنىڭ ئەرلىرى دارغا ئېسىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، ئاياللار سۇدا تۇنجۇقتۇرۇلاتتى.

تۇنجۇقماق

  • تۇنجۇقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ھاۋانىڭ يېتىشمەسلىكى ياكى توسۇلۇپ قېلىشىدىن نەپەس ئالالماي قىينالماق، بۇغۇلماق:[مىسال:] كىچىكىمدە كۆلدە تۇنجۇقۇپ ئۆلگىلى ئاز قالغاندا، ھەسەن ئاكام قۇتقۇزۇۋاپتىكەن.[يەشمىسى:] ② يوقالماق، ئۆلمەك:[مىسال:] «گۈپ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بايىدىن بېرى يىغلاپ تۇرغان بالا بىردىنلا تۇنجۇقتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەركىن سۆزلىيەلمەي، ھەرىكەت قىلالماي بېسىلىپ كەتمەك:[مىسال:] شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىزنىڭ ئادەتتىكى يۈرۈش-تۇرۇش ئەركىنلىكىمىز دىمىق ئىچىدە تۇنجۇققاندەك سېزىلەتتى.

تۇنجۇقۇشماق

  • تۇنجۇقۇشماق[يەشمىسى:] «تۇنجۇقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۇنجى

  • تۇنجى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەسلەپكى، بالدۇرقى، ئاۋۋالقى، بىرىنچى، بىرىنچى قېتىمقى:[مىسال:] تۇنجى بالا. تۇنجى قوغۇن. تۇنجى مۇزاي. تۇنجى كۈنى. ∥ شەۋكەت ئۇلارنىڭ تۇنجىسى، شۇنداقلا بىردىنبىر ئوغلى.

تۇندرا

  • تۇندرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] شىمالىي مۇز ئوكيان قىرغىقىدىكى جايلار. كىلىماتى يىل بويى سوغۇق بولىدۇ، ياز پەسلىدە يەر يۈزىدىكى مۇزلار ئېرىگەن ۋاقىتتا مۇخ، لىشاينىك قاتارلىق تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئۈنۈپ چىقىدۇ، باشقا ئۆسۈملۈكلەر ئۆسمەيدۇ.

تۇنس

  • تۇنس[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] تۇنس جۇمھۇرىيىتى ئافرىقىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 164 مىڭ 150 كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسىنىڭ 09% تىن ئارتۇقراقىنى ئەرەبلەر، قالغان قىسمىنى پارپالار ۋە يەھۇدىيلار تەشكىل قىلىدۇ. ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ، فرانسۇز تىلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. كۆپ قىسىم ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا، ئاز بىر قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

  • تۇنسنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅸ ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅲ ئەسىرگىچە فىنكىيىلىكلەر قۇللۇق تۇزۈمدىكى كارفاگىن دۆلىتىنى قۇرغان. مىلادى Ⅶ ئەسىردە ئەرەبلەر بېسىپ كىرىپ، تەدرىجىي ھالدا ئەرەبلەرنىڭ دۆلىتى بولغان. 1574-يىلى ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان. 1881-يىلى ئىرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، 1956-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇستەقىل بولغان. 1957-يىلى پادىشاھنى بىكار قىلىۋېتىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغان. 1964-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.

  • تۇنس ئاھالىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى يېزا نوپۇسى ئىگىلەيدۇ. ئاشلىقتا ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. زەيتۇننىڭ تۇنىستىكى تارىخى 2000 يىلدىن ئارتۇق بولۇپ، زەيتۇن مېيى ئىشلەپچىقىرىشى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. سۇلفات كىسلاتا تۇزى، نېفىت ۋە زەيتۇن مېيى دۆلەت ئېكىسپورتىنىڭ ئۈچ چوڭ تۈۋرىكى ھېسابلىنىدۇ. ساياھەتچىلىكى دۇنيا مىقياسىدا يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە بولۇپ، دۆلەت كىرىمىنىڭ [SX(]1[]3[SX)] قىسمى ساياھەتچىلىكتىن كىرىدۇ.

  • ئاساسلىق شەھىرى پايتەخت تۇنس شەھىرى بولۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. يەنە مەشھۇر ساياھەت شەھىرى. نۇرغۇن خەلقئارالىق يىغىنلار دائىم مۇشۇ شەھەردە ئېچىلىدۇ. شەھەردە مېۋىلىك دەرەخلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، زەيتۇن ئەڭ كۆپ، شۇڭا ئۇنىڭ «زەيتۇن پايتەختى» دېگەن نامى بار، ئاھالىسى بىر مىليون 180 مىڭ.

تۇننۇس

  • تۇننۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل بېلىق. تېنى ئۇرچۇق شەكلىدە، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ؛ بېشى ئۇچلۇق، قاسىرىقى ئىنچىكە بولىدۇ؛ دېڭىز ئوكيانلاردا ياشايدۇ؛ گۆشىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

تۇۋاق

  • تۇۋاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قازاننىڭ ئۈستىگە ياپىدىغان يۇمىلاق شەكىللىك، ئوتتۇرىسىغا تۇتقۇچ بېكىتكەن قاپقاق.

تۇۋاقلاتماق

  • تۇۋاقلاتماق[يەشمىسى:] «تۇۋاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ھېلىقى ناۋاينى قەسەم قىلدۇرۇپ، ئاغزىنى ئۆزىگە تۇۋاقلىتىپتۇ.

تۇۋاقلاشماق

  • تۇۋاقلاشماق[يەشمىسى:] «تۇۋاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۇۋاقلانماق

  • تۇۋاقلانماق[يەشمىسى:] «تۇۋاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شۇنىڭ بىلەن سۇلايماننىڭ ئاغزى تۇۋاقلاندىمۇ

تۇۋاقلىق

  • تۇۋاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇۋىقى بار، تۇۋاق بېكىتىلگەن:[مىسال:] تۆمۈر تۇۋاقلىق قازان.

تۇۋاقلىماق

  • تۇۋاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۈستىگە تۇۋىقىنى ياپماق، ئەتمەك:[مىسال:] قازاننى تۇۋاقلىماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] رەددىيە بىلەن، گەپ قىلىشتىن توختاتماق، گەپ قىلالمىغۇدەك قىلىپ قويماق:[مىسال:] ئاغزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمەڭلار، دەپ لەيلىگۈلنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىدى ئۇ.

تۇياق

  • تۇياق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەزى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئاياغلىرىنىڭ ئۇچىدىكى مۈڭگۈزسىمان قاتتىق قىسمى:[مىسال:] ئاچا تۇياق. توم تۇياق. * ئادەم قۇلاقتىن سەمرىيدۇ، ھايۋان تۇياقتىن (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ «دانە، باش» دېگەن مەنىدە مىقدار بولۇپ كېلىدۇ:[مىسال:] بىر تۇياق كالا.

تۇيىقى سېلىكمەك

  • تۇيىقى سېلىكمەك[يەشمىسى:] يول مېڭىشى ئازايماق، كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالماق:[مىسال:] سېنىڭ تۇيىقىڭ سېلىكىپ قالدىغۇ داپچى.

تۇيىقى سىرقىرىماق

  • تۇيىقى سىرقىرىماق[يەشمىسى:] بىرەر ئوڭۇشسىزلىقنىڭ شەپىسىنى سېزىپ دەككە-دۈككىدە قالماق:[مىسال:] بىرەر لۈكچەكنىڭ ئەدىپىنى بەرسەك، باشقا لۈكچەكلەرنىڭ تۇيىقى سىرقىرايدۇ.

تۇياقلىق

  • تۇياقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇيىقى بار، تۇياققا ئىگە:[مىسال:] تۇياقلىق ھايۋانلار. ئاچا تۇياقلىق ھايۋان.

تۇياقلىقلار

  • تۇياقلىقلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىر تۈرى، كۆپىنچىسىنىڭ تېنى خېلى چوڭ، تۆت ئايىغى ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن، بارماق ئۇچىدا مۈڭگۈزلەشكەن تۇياقلىرى بولىدۇ، تۇياقلىرىنىڭ سانى ئوخشاش ئەمەس؛توم تۇياقلىقلار ۋە ئاچا تۇياقلىقلار دەپ بۆلۈنىدۇ.

تۇيدۇرماق

  • تۇيدۇرماق[يەشمىسى:] «تۇيماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئۆزىنىڭ قېچىپ كېتىۋاتقانلىقىنى باشقىلارغا تۇيدۇرۇپ قويغانىدى.

تۇيغاق

  • تۇيغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسان تۇيىدىغان، بايقىيالايدىغان، سەزگۈر، تۇيغۇن:[مىسال:] چاچقان دېگەن بۇ ئاپەت بەكمۇ تۇيغاق.

تۇيغۇ

  • تۇيغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تاشقى تەسىرنى سېزىش، ھېس قىلىش قابىلىيىتى؛ سەزگۈ:[مىسال:] ئاچ كۆزۈڭنى ئەل سۈزۈلمەكتە تاڭ... يۇقىرى بولسۇن، توغرا تۇيغۇ ئاڭ![يەشمىسى:] ② روھىي، جىسمانىي كەچۈرمىش، تەسىرات، ھېسسىيات:[مىسال:] ئۇنىڭ قەلبى ئاجايىپ سىرلىق ۋە بەكمۇ تاتلىق بىر تۇيغۇنىڭ دولقۇنىغا چۆمگەنىدى.

تۇيغۇداش

  • تۇيغۇداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇيغۇ، ھېسسىيات، تەسىرات جەھەتتىن ئوخشاش، ئورتاقلىقى بار كىشى.

تۇيغۇلۇق

  • تۇيغۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم ھېس-تۇيغۇ ھاسىل بولغان، تۇيغۇغا ئىگە:[مىسال:] سەن كامراننىڭ قانچىلىك نازۇك، تۇيغۇلۇق، مۇلايىم ئىكەنلىكىنى بىلىسەن.

تۇيغۇنⅠ

  • تۇيغۇنⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسان تۇيىدىغان، تېز سېزىپ، پەملەپ، بايقىيالايدىغان؛ سەزگۈر:[مىسال:] بۇغا دېگەن بۇ جانىۋار بەكمۇ تۇيغۇن، ھاۋانى پۇراپ، شەپىنى تىڭشايدۇ.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

تۇيغۇنⅡ

  • تۇيغۇنⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاق قارچىغا.

تۇيغۇنلۇق

  • تۇيغۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاسان تۇيۇۋالىدىغان، تېز سېزىۋالىدىغان خاراكتېر:[مىسال:] ئۇ، يەنە شۇنداق تۇيغۇنلۇقى ۋە ئايىغىنىڭ يەڭگىللىكى بىلەن ئىدارە باشلىقى نەمەتنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغانىدى.

تۇيماق

  • تۇيماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھېس قىلماق، سەزمەك، بايقىماق:[مىسال:] بۇ يەردە قورساقنىڭ ئىشى چاتاقلىقىنى كۆڭلىمىز تۇيدى.

تۇيۇشماق

  • تۇيۇشماق[يەشمىسى:] «تۇيماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆيدىكىلەر بوۋاينىڭ كىرگىنىنى تۇيۇشمىدى.

تۇيۇقⅠ

  • تۇيۇقⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاخىرى يوق، ئاخىرىنى تاپقىلى بولمايدىغان:[مىسال:] تۇيۇق يول.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىچان ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماق

  • تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماق[يەشمىسى:] ئىشىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەي، داۋاملاشتۇرالماي قالماق؛ تەمتىرەپ قالماق، قىيىن ئەھۋالدا قالماق:[مىسال:] پەقەت ئۆزىمىزنىڭلا باشقىلارنى چۈشەنمەسلىكىمىزدىن، تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشىمىزدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.

تۇيۇقⅡ

  • تۇيۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سەزگۈ، تۇيغۇ:[مىسال:] تۇيۇق بولماق. تۇيۇق چۈشمەك.

تۇيۇقⅢ

  • تۇيۇقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] 1-، 2-، 4-مىسرالىرى شەكىلداش سۆزلەردىن قاپىيىلىشىپ كەلگەن سۆز ئويۇنى شەكلىدىكى، تولۇق ئاياغلاشقان ئوي-پىكىرگە ئىگە تۆت مىسرالىق شېئىر.

تۇيۇقسىز

  • تۇيۇقسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] توساتتىن، كۈتمىگەندە، خەۋەرسىز تۇرغاندا:[مىسال:] ئۇ تۇيۇقسىز ئالدىمغا چىقىپ قالدى.

تۇيۇقسىزلىق

  • تۇيۇقسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خەۋەرسىز تۇرغان ھالەت، تاسادىپىيلىق:[مىسال:] تۇيۇقسىزلىق ھېس قىلىشماق.

تۇيۇلماق

  • تۇيۇلماق[يەشمىسى:] ① «تۇيماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] زۆھرە بۈۋىنىڭ كۈلۈپ چىقىشى، ئابدۇراخمانغا ھە دېگەندە ھەيران قالارلىق تۇيۇلدى.[يەشمىسى:] ② ئوخشاپ قالماق، ئوخشاش كۆرۈنمەك:[مىسال:] مۇشۇ خىل قانلار ۋە قانلىق ياشلار قوشۇلۇپ، تۈمەن دەرياسىنىڭ مۇڭلىرىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەكەندەك تۇيۇلاتتى.

تۆپەⅠ

  • تۆپەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يەر يۈزىدىن ياكى مەلۇم بىر جايدىن ئېگىز، يۇقىرى بولغان جاي، دۆڭ:[مىسال:] تۆپىدىن تونۇش بىر ئادەم چۈشۈپ كەلدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنىڭ يۇقىرى قىسمى، ئۈستى:[مىسال:] مامۇت زور شۇ ھامان ئۇنىڭ كەينىدىن تام تۆپىسىگە چىقتى.[يەشمىسى:] ③ مەلۇم بىرنەرسىنىڭ ئۈستىدىكى بوشلۇق؛ كۆك، ئاسمان:[مىسال:] ئېگىز بىنانىڭ تۆپىسىدە قۇشلار ئۇچۇپ يۈرەتتى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەلۇم بىر ئىش بولۇۋاتقان جاي، نەق مەيدان:[مىسال:] مامۇت ئوغرىلىقچە تاماكا چېكىپ تۇرغاننىڭ تۆپىسىگە دادىسى كىرىپ قالدى.[يەشمىسى:] ⑤ بېرىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن كېلىپ، «بېشىغا، يېنىغا، قېشىغا» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ:[مىسال:] دېۋە كۆل تۆپىسىگە كېلىپ بېلىقچىنى قىچقىرىپتۇ.

تۆپەⅡ

  • تۆپەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرىدىن تىكىلگەن، پوسمىغا ئوخشاش تاشلانمىغان، سىرتى ئاق باش كىيىمى:[يەشمىسى:] بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئالدىراشلىقتا دادىسىنىڭ تۆپە ۋە قۇلاقچىلىرىنى كۆزلىرىگە چۆكۈرۈپ كىيىۋالغانىدى.

تۆپە-تۆپىسىگە

  • تۆپە-تۆپىسىگە[يەشمىسى:] «ئۈستى ئۈستىگە»گە قاراڭ:[مىسال:] نەرسىلەر تۆپە-تۆپىسىگە دۆۋىلەنمەكتە ئىدى.

تۆپە-تۆپىلەپ

  • تۆپە-تۆپىلەپ[يەشمىسى:] ① بىرىنىڭ ئۈستىگە بىرى، ئۈستى-ئۈستىلەپ:[مىسال:] ئۇ ئەگرى-بۈگرى بادرىلارنى تىزىپ، ئۈستىگە تېرە، كىگىز پارچىلىرىنى تۆپە-تۆپىلەپ تاشلاپ قويغانىكەن.[يەشمىسى:] ② ئارقا-ئارقىدىن، بارغانسېرى كۈچەيگەن ھالدا: ئۇ مەن جاۋاب بېرىپ بولغۇچە تۆپە-تۆپىلەپ سوئال سوراۋەردى.

تۆپىلەپ

  • تۆپىلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «ئۈستىلەپ»كە قاراڭ:[مىسال:] تۆپىلەپ كېلىۋاتقان خورلۇقتىن كامىلنىڭ كۆز يېشى يامغۇردەك تۆكۈلمەكتە ئىدى.

تۆپىلىك

  • تۆپىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ئېگىز جاي؛ ئېگىزلىك:[مىسال:] مەكتەپنىڭ ئائىلىلىكلەر بىناسى سەل يۇقىرىدىكى بىر تۆپىلىككە سېلىنغان بولۇپ، خېلى يىراقتىن كۆزگە ئېنىق تاشلىنىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>كىيىم-كېچەك<[يەشمىسى:] دوپپىنىڭ ئۈستى قىسمى.

تۆت

  • تۆت[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] ئۈچتىن كېيىن، بەشتىن بۇرۇن كەلگەن سان ياكى مىقدار:[مىسال:] تۆت كىتاب. تۆت ئوقۇغۇچى.

تۆت ئەمەل

  • تۆت ئەمەل[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈشتىن ئىبارەت ماتېماتىكا ئەمىلىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى.

تۆت پۇتى ئۆرە قالماق

  • تۆت پۇتى ئۆرە قالماق[يەشمىسى:] ئاچچىقىنى، غەزىپىنى باسالماي قالماق:[مىسال:] بۇنى ئاڭلىسا باشلىقنىڭ تۆت پۇتى ئۆرە قالىدۇ.

تۆت كۆز بىلەن كۈتمەك

  • تۆت كۆز بىلەن كۈتمەك[يەشمىسى:] ناھايىتى ئىنتىزار بولۇپ كەتمەك، ئاجايىپ تەقەززا بىلەن يولىغا قارىماق.

تۆتنىڭ بىرى

  • تۆتنىڭ بىرى[يەشمىسى:] جامائەتچىلىك ئارىسىدا يۈز-ئابرۇيغا ئىگە، ھەممىگە تونۇلغان، نامى چىققانلارنىڭ بىرى:[مىسال:] ئۇ زاۋۇتتا تۆتنىڭ بىرى سانىلاتتى.

تۆتەيلەن

  • تۆتەيلەن[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] تۆت كىشى، تۆت نەپەر ئادەم.

تۆتلەشتۈرمەك

  • تۆتلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «تۆتلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قاتتىق ئىشلەپ تەر تۆكۈپ، ماڭدۇق، زامانىي پەللىگە. يېتىمىز نىشانغا بىز، تۆتلەشتۈرۈشتە غەلبىگە.

تۆتلەشمەك

  • تۆتلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۆت جەھەتتە زامانىۋىلاشماق:[مىسال:] كۆر ئەنە، پەرزەنتلىرىڭنىڭ بېلىدە ئالتۇن كەمەر، تۆتلىشىشنىڭ دولقۇنىدا قۇچقۇسى سانسىز زەپەر.

تۆتلىك

  • تۆتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مۇرەببە:[مىسال:] سۇتۇق ئىلىكنىڭ ئالدىدىكى قەغەزنى ئېلىپ، مۇنۇ تۆتلىكنى ئوقۇدى.[يەشمىسى:] ② تۆت دانە بەلگە بولغان، تۆت رەقىمى چۈشۈرۈلگەن قارتا:[مىسال:] قاغىنىڭ تۆتلىكى.

تۆتۆت

  • تۆتۆت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] راۋان سۆزلىيەلمەي، دۇدۇقلاپ سۆزلەيدىغان، كېكەچ ئادەم.

تۆتۆتلەشمەك

  • تۆتۆتلەشمەك[يەشمىسى:] «تۆتۆتلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار تۆتۆتلىشىپ بىرنېمىلەرنى دېيىشىۋاتاتتى.

تۆتۆتلىمەك

  • تۆتۆتلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سۆزلىگەندە بەزى تاۋۇشلارنى راۋان سۆزلىيەلمەستىن، دۇدۇقلاپ سۆزلىمەك، كېكەچلىمەك.

تۆتىنچى

  • تۆتىنچى[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] ① تەرتىپى 4 رەقىمى بىلەن بەلگىلەنگەن، ئۈچىنچىدىن كېيىن، بەشىنچىدىن ئىلگىرى بولغان، 4-نومۇرلۇق:[مىسال:] تۆتىنچى ئۆي. تۆتىنچى سىنىپ. تۆتىنچى توم.[يەشمىسى:] ② كىيىم ۋە نەرسىلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىك ئايرىلىشىنى بىلدۈرىدىغان، ئۈچىنچىدىن چوڭ، بەشىنچىدىن كىچىك نومۇر:[مىسال:] تۆتىنچى كالاچ. تۆتىنچى كۇلۇچ.

تۆتىنچىلىك

  • تۆتىنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆتىنچى دەرىجە:[مىسال:] تۆتىنچىلىككە ئېرىشمەك. تۆتىنچىلىكنى ئالماق.

تۆر

  • تۆر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پەگاھقا نىسبەتەن يۇقىرىدىكى جاي، ھۆرمەتلىك ئورۇن:[مىسال:] ئۇنى مۇدىر بىلەن بوغالتىر ئادەتتىن تاشقىرى تەكەللۇپ بىلەن تۆرگە چىقىرىشتى.[يەشمىسى:] ② كىرىش ئېغىزىغا نىسبەتەن ئەڭ ئىچىدىكى جاي:[مىسال:] ئۇلارنىڭ غارنىڭ تۆرىگە ھەقىقىي يەتكەن-يەتمىگەنلىكى ۋە غارنىڭ ئىچىدىن نېمىلەرنى ئەكەتكەنلىكى كىشىلەرگە ئېنىق ئەمەس.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چوڭقۇر قاتلام:[مىسال:] تەلىيىم باركى، تۇغۇلدۇم شۇ شەھەرنىڭ قوينىدا، تۈن ۋە كۈن كۆڭلۈم تۆرىدە بەر قاراردۇر كاشىغەر.

تۆرە

  • تۆرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① خانلىق تۈزۈمىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار:[مىسال:] ئۇلار تەنتەنىلىك مېڭىپ شىپاڭ ئالدىغا كەلگەندە، ۋەزىرلەر ۋە باشقا بىر قىسىم بەگ-تۆرىلەر ئۇلارنى ھۆرمەت بىلەن قارشى ئالدى.[يەشمىسى:] ② ھۆرمەت يۈزىسىدىن كىشىلەرنىڭ نامىغا، مەنسىپىگە قوشۇلۇپ كېلىدۇ ياكى ئىسمىنىڭ ئورنىدا ئېيتىلىدۇ:[مىسال:] مەن ئاغىچىلىرىمىز بىلەن كىچىك تۆرەمنى ئىزلەپ يۈرۈپ ئارقىدا قالدىم.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بيۇروكرات:[مىسال:] ئۇ غەمسىز تۆرىلەر ئاممىنىڭ ھالىغا يەتمەيدۇ.[يەشمىسى:] ④ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

تۆرەل

  • تۆرەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېلىق تۇخۇمى.

تۆرەلدۈرمەك

  • تۆرەلدۈرمەك[يەشمىسى:] «تۆرەلمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تۆرەلدۈرۈلمەك

  • تۆرەلدۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «تۆرەلدۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تۆرەلمە

  • تۆرەلمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئانىلىق تەن ئىچىدە دەسلەپكى قەدەمدە پەيدا بولغان جانلىق تەن. ئۇ تۇخۇم ئۇرۇق قوبۇل قىلغاندىن كېيىن يېتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② پىلە قۇرتى ئۇرۇقىدىن شەكىللەنگەن قۇرتنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى ھالىتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۈندۈرمە، بىخ.

تۆرەلمەك

  • تۆرەلمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئانىلىق تەندە تۆرەلمە ھاسىل بولماق:[مىسال:] لېكىن ئۇ بالىنىڭ قايسى كۈنى تۆرەلگەنلىكىنى پەرق قىلالماپتۇ.[يەشمىسى:] ② تۇغۇلماق، دۇنياغا كۆز ئاچماق:[مىسال:] كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ يورۇق دۇنياغا تۆرىلىپ چۈشەرمۇ[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پەيدا بولماق، ھاسىل بولماق:[مىسال:] مانا ئالدىدا تىزىلغان بەتتە، كۈلۈپ تۇرىدۇ يېڭى قەھرىمان. كىرىپ بارىدۇ ئوتلۇق يۈرەككە، ئاشۇ بەتلەردىن تۆرەلگەن رومان.

تۆرەلمىشۇناس

  • تۆرەلمىشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىئولوگىيىلىك يەككە تەننىڭ پەيدا بولۇش، يېتىلىش قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىم.

تۆرەلمىشۇناسلىق

  • تۆرەلمىشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىئولوگىيىلىك يەككە تەننىڭ پەيدا بولۇش، يېتىلىش قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

تۆرپە

  • تۆرپە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاجايىپ ئەتىۋارلىق:[مىسال:] 40 مىڭ ئات بېرىمەن تىللا ئېگەرلىك، 40 مىڭ قۇل بېرىمەن زەرىن كەمەرلىك، 40 قۇش بېرىمەن تۆرپە جىگەرلىك، بۈگۈن بىزگە نىكاھ بولسۇن دېگەيسەن.

تۆرچى

  • تۆرچى[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] دامكا ئويۇنىنىڭ بىر خىلى. تاختىسى ئالتە بۇلۇڭلۇق يۇلتۇز شەكلىدە بولۇپ، ئۈستىگە ئۈچ بۇلۇڭلۇق كاتەكچىلەر سىزىلغان.

تۆرۈكⅠ

  • تۆرۈكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇمىلاق:[مىسال:] تۆرۈك جوزا. تۆرۈك ياغاچ.

تۆرۈكⅡ

  • تۆرۈكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يول ئۇقمايدىغان، قائىدە چۈشەنمەيدىغان، كاج، گىرى، جاھىل.

تۆرىچىلىك

  • تۆرىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خىزمەتتىكى ۋە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتىكى قۇرۇق رەسمىيەتچىلىك، بيۇروكراتلىق:[مىسال:] بىلىمى قانچە تۆۋەن ئادەم مەنسەپكە ئېرىشسە، كىبىر پەيدا قىلىپ، تۆرىچىلىك بىخلىرىنى ياشارتىدىكەن.

تۆرىلەرچە

  • تۆرىلەرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تۆرىلەرگە خاس رەۋىشتە:[مىسال:] ئۇ ئىككى مۈرىسىگە پاگون تاقىغان، تۆرىلەرچە كىيىنگەن، ئېگىز، يېشى 30 لارغا يەتكەن كىشى ئىدى.

تۆرىلىك

  • تۆرىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆرىلەرگە خاس خاراكتېر، بيۇروكراتلىق:[مىسال:] بۇ كىشى خەلق ئۈچۈن نامەلۇم بولسىمۇ، ئۇنىڭ كىيىملىرىدىن چوڭ تۆرىلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.

تۆرىمەك

  • تۆرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېيىپ، ئايلىنىپ، ئەتراپنى پەرق ئېتەلمەس بولۇپ قالماق (باش ھەققىدە):[مىسال:] بېشىم تۆرەپ قالدى.

تۆزدۈرمەك

  • تۆزدۈرمەك[يەشمىسى:] «تۆزمەكⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تۆزمەكⅠ

  • تۆزمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بەرداشلىق بەرمەك، چىدىماق:[مىسال:] سۆيگەن يارىڭ بۇنداق قېلىپ، چەتنى كۆزلىگەن. جاھىللىقىڭ شۇ ئەمەسمۇ، بىرگە تۆزمىگەن.

تۆزمەكⅡ

  • تۆزمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۆنمەك؛ قانماق.

تۆش

  • تۆش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① گەۋدىنىڭ بويۇن بىلەن قورساق ئوتتۇرىسىدىكى ئالدى قىسمى، كۆكرەك:[مىسال:] تۆش سۆڭىكى. تۆش يانچۇق.[يەشمىسى:] ② چارۋا ۋە قۇشلارنىڭ كۆكرەك قىسمى ۋە شۇ كۆكرەك قىسمىدىن ئېلىنغان ئۇستىخانلىق گۆش.

تۆشەك

  • تۆشەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېتىش ئۈچۈن سېلىنغان ئورۇن-كۆرپە:[مىسال:] موماي قېلىن سېلىنغان تۆشەك ئۈستىدە سوزۇلۇپ ياتاتتى.

تۆشەكلىك

  • تۆشەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۆشىكى بار، تۆشەك سېلىنغان:[مىسال:] ئابدۇللا قېلىن سېلىنغان تۆشەكلىك كارىۋات ئۈستىدە راھەتلىنىپ ئۇخلاۋاتاتتى.

تۆشتارتقۇ

  • تۆشتارتقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۆش+تارتقۇ[[يەشمىسى:] بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلىگەندە قول ۋە كۆكرەك قىسمىنى تاڭىدىغان ئۇزۇنچاق لاتا.

تۆشلەڭ

  • تۆشلەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تۆشۋاغ.

تۆشلۈك

  • تۆشلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆشۋاغ، تۆش ئۇلاڭ:[مىسال:] ئەمەت شۇجى ئېشەكنىڭ بوشاپ كەتكەن تۆشلۈكىنى چىڭىتىپ قويدى-دە، موماي بىلەن خوشلاشتى.

تۆشلىمەك

  • تۆشلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۆشىگە قوشۇپ تاڭماق:[مىسال:] شاھ مەھمۇرخان قاراقچىلارغا قاراپ: ئاتقا تۆشلەپ باغلىغان يىگىتنى قەيەردىن ئەپقاچتىڭلار دەپ غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى.

تۆشۈكⅠ

  • تۆشۈكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېشىلگەن جاي، يېرىق؛ كامار:[مىسال:] يىڭنىنىڭ تۆشۈكى. كەمەرنىڭ تۆشۈكى. * يىرتىق تۆشۈكتىن كۈلەر، چۆمۈچ قازاندىن كۈلەر (ماقال). ∥ تۆشۈك مۇنچاق يەردە ياتماس، يەردە ياتسا توپا باسماس (ماقال). * تۆشۈك قۇلاق نېمىنى ئاڭلىماس (ماقال).

تۆشۈكⅡ

  • تۆشۈكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۆينىڭ سۇپرا، تاختا قاتارلىق تاماق سايمانلىرى ئورۇنلاشقان جايى:[مىسال:] ئاخىرى ئۇنىڭ كۆزى تۆشۈك تەرەپتىكى تامغا يانداپ سېلىنغان كونا پالاستا توختىدى.[يەشمىسى:] ② ئاش-تاماق ئېتىش ئىشى ۋە ماھارىتى:[مىسال:] تۆشۈكى يوق. * رابىخان ئۇنى تۆت-بەش يېشىدىن باشلاپلا تۆشۈككە ئۆگەتكەن، ھەرقانداق تاماقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ.

تۆشۈكچە

  • تۆشۈكچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك تۆشۈك.

تۆشۈكلۈك

  • تۆشۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۆشۈك ئېچىلغان، تۆشۈك قويۇلغان:[مىسال:] ئالتە تۆشۈكلۈك نەي.

تۆشۋاغ

  • تۆشۋاغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۆش+باغ[[يەشمىسى:] ئېگەر، توقۇم، مۆلىنى توقىغاندا، ھارۋىنى قاتقاندا ھايۋانلارنىڭ تۆشىدىن تارتىپ چىڭىتىدىغان تاسما ياكى ئارغامچا.

تۆشۋاغلىق

  • تۆشۋاغلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تۆشۋىغى بار، تۆشۋاغ ئورنىتىلغان:[مىسال:] تۆشۋاغلىق ئېگەر.[يەشمىسى:] ② تۆشۋاغ ياساش ئۈچۈن تەييارلانغان:[مىسال:] تۆشۋاغلىق كاشا.

تۆكتۈرمەك

  • تۆكتۈرمەك[يەشمىسى:] «تۆكمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بوۋاي كىچىك ئوغلىغا چايدانىدىكى بىرقانچە كۈن بولغان قايناق سۇنى تۆكتۈرۈپ، يېڭى قايناق سۇ ئەكىرگۈزدى.

تۆكمە

  • تۆكمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەك كۆپ، ناھايىتى مول، كەڭتاشا:[مىسال:] بۇ يىل قەشقەردە قوغۇن تۆكمە-بەكمۇ كۆپ بولدى.

تۆكمەك

  • تۆكمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۇيۇق ياكى چېچىلىدىغان نەرسىلەرنى باشقا نەرسىگە چۈشۈرمەك، ئاغدۇرماق:[مىسال:] قىز ئۆينى سۈپۈرۈپ، ئەخلەتنى ھويلىدىكى ئورىغا تۆكۈپتۇ.[يەشمىسى:] ② چۈشۈرمەك، تاشلىماق:[مىسال:] يۇلغۇنلار چېچەكلەپ كۈلدى ئۇ كېچە، بۇ كېچە سارغىيىپ تۆكتى يوپۇرماق. ئۆتكەن يىل بىر موماي كۆز يۇمغان ئۆيدە، كۆز ئاچتى دۇنياغا بۇ يىل بىر بوۋاق.[يەشمىسى:] ③ (خىش، كېسەك قاتارلىقلارنى) قۇيماق:[مىسال:] كېسەك لازىم دېدىلىما، كېسەك دېگەننى بىزدەك ئوغۇل بالا تۆكمەي كىم تۆكىدۇ.[يەشمىسى:] ④ كەڭتاشا سەرپ قىلماق:[مىسال:] ئالدىمىزغا مېۋە-چېۋە، يېمەك-ئىچمەك دېگەننى تۆكۈۋەتتى.[يەشمىسى:] ⑤ ئاقتۇرماق، ئېقىتماق (كۆز يېشى، قان، تەر ھەققىدە):[مىسال:] ئۇ يەنىلا ئۈنسىز ياش تۆكمەكتە ئىدى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چاچماق، پۈركۈمەك، ياغدۇرماق:[مىسال:] قۇياش پۈتۈن ئەتراپقا يىللىق نۇر تۆكۈپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆڭۈلدىكىلىرىنى ئېيتماق، ئېيتىپ كۆڭلىنى بوشاتماق:[مىسال:] ئۇ لىتىپئاخۇننى تېپىپ، كۆڭلىدىكى ھەسرىتىنى تۆكۈپ، بولۇۋاتقان بۇ قالايمىقانچىلىقلارنىڭ سەۋەبىنى بىلمەكچى ئىدى.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يوق قىلماق، چۈشۈرمەك:[مىسال:] ئابرۇيىنى تۆكمەك.

تۆكۈشمەك

  • تۆكۈشمەك[يەشمىسى:] «تۆكمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] دەردىنى تۆكۈشمەك.

تۆكۈلمەك

  • تۆكۈلمەك[يەشمىسى:] ① «تۆكمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قوينۇڭدىن تۆكۈلسە، قونچۇڭغا (ماقال).[يەشمىسى:] ② توزۇپ چۈشمەك، چۈشۈپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇ بۇ ئەنجۈردىن بىر تال ئۈزۈپ يېگەنىكەن، شۇ زامانلا ئۇنىڭ ساقاللىرى تۆكۈلۈپ، ياش يىگىتكە ئايلىنىپتۇ.

تۆگە

  • تۆگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تېنى ئېگىز ۋە چوڭ، دۈمبىسىدە لوككىسى بولىدۇ؛ تاپىنى تەكشى ۋە ياپىلاق بولۇپ، ئاستىدا گۆشلۈك ياتمىسى بولىدۇ؛قۇملۇقتا مېڭىشقا ماسلاشقان، كۆشەيدۇ؛ ئاچلىققا چىداملىق، پۇراش سېزىمى ئۆتكۈر، يىراقتىكى سۇ مەنبەسىنى بايقىيالايدۇ؛ مىنىشكە، يۈك توشۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

تۆگۈرتمەك

  • تۆگۈرتمەك[يەشمىسى:] «تۆگۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تۆگۈرمەك

  • تۆگۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نان ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەرنى چاي ۋە باشقا سۇيۇق نەرسىلەرگە تەگكۈزمەك ياكى چىلىماق.

تۆگۈرۈشمەك

  • تۆگۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «تۆگۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۆگۈرۈلمەك

  • تۆگۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «تۆگۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تۆگىتاپانⅠ

  • تۆگىتاپانⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۆگە+تاپان[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئوغرىتىكەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غوزا مېۋىسى تۈۋرۈكسىمان، شەكلى سوقىچاق بولىدۇ؛ ئۈستى قىسمى دورا قىلىنىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىش رولىغا ئىگە.

تۆگىتاپانⅡ

  • تۆگىتاپانⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۆگە+تاپان[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] پۇتنىڭ نورمال ئۈزەڭگىلىك ئەگمىسىنىڭ تۆۋەنلىشىشى ياكى تۈزلىنىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كېسەل پۇتنىڭ تىرەكلىك رولىغا تەسىر قىلىپ، ماڭغاندا ئوڭاي چارچايدىغان، ئاغرىيدىغان؛ ئۆرە تۇرغاندا ئەپلىشەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ.

تۆگىتاز

  • تۆگىتاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۆگە+تاز[سەلب.[يەشمىسى:] ئېگىز بويلۇق كىشى:[مىسال:] قاراڭلار ماۋۇ تۆگىتازنى

تۆگىتىكەن

  • تۆگىتىكەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۆگە+تىكەن[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چاتقال تىپىدىكى بىر خىل تاغ ئۆسۈملۈكى. غولى ئىنچىكە، تال-تال ئۆسىدۇ، سېرىق چېچەكلەيدۇ، ئۇرۇقى پۇرچاقتەك ئۇششاق ۋە كۆكۈچ بولىدۇ.

تۆگىچى

  • تۆگىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۆگە بېقىش ۋە ئۆستۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى.[يەشمىسى:] ② تۆگە بىلەن كىراكەشلىك قىلغۇچى.[يەشمىسى:] ③ قاغىلىق ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

تۆگىچىلەپ

  • تۆگىچىلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تۆگىدەك، تۆگىگە ئوخشاش قىلىپ:[مىسال:] تۆگىچىلەپ سىيمەك.

تۆگىچىلىك

  • تۆگىچىلىك[يەشمىسى:] ① تۆگە بىلەن مال توشۇش ئىشى:[مىسال:] دادام بۇرۇن نامان باينىڭ ئۆيىدە تۆگىچىلىك قىلغانىكەن.[يەشمىسى:] ② چارۋىچىلىقنىڭ تۆگە بېقىش، ئۆستۈرۈش، نەسىللەندۈرۈش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ساھەسى:[مىسال:] تۆگىچىلىك مەيدانى. تۆگىچىلىك فېرمىسى.

تۆگىسىڭىر

  • تۆگىسىڭىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۆگە+سىڭىر[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چاتقال تىپىدىكى تاغ ئۆسۈملۈكى، غولى يېيىلىپ ئۆسىدۇ، ئۇششاق، قىزىل چېچەكلەيدۇ.

تۆگىقۇش

  • تۆگىقۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۆگە+قۇش[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ چوڭ قۇشلارنىڭ بىرى. ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىر كېلىدۇ، بوينى ئۇزۇن، بېشى كىچىك، تۇمشۇقى ياپىلاق، قانىتى قىسقا ۋە كىچىك، ئۇچالمايدۇ؛ پۇتى ئۇزۇن ۋە كۈچلۈك، مېڭىشقا، يۈگۈرۈشكە باب؛ ئافرىقىنىڭ يايلاق ۋە قۇملۇقلىرىدا ياشايدۇ.

تۆگىقۇلاق

  • تۆگىقۇلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۆگە+قۇلاق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قامچىئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى يالغۇز، تىك ئۆسىدۇ، يىلتىزى بىلەن غولى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، تەمى قېرىق، زەھەرسىز، ئىسسىقلىقنى قايتۇرىدۇ، چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىدۇ، توسالغۇلارنى بۇزۇپ ئۇيۇپ قالغان قانلارنى تارقىتىدۇ، غەلۋىرەكنى ساقايتىدۇ.

تۆگىلىك

  • تۆگىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تۆگە مىنگەن:[مىسال:] يىراقتىن يېشىل كىيىم كىيگەن تۆگىلىك بىر كىشى كېلىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② تۆگىسى بار، تۆگىگە ئىگە:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ، يەر ئىسلاھاتىدا بىزگە تۆت تۆگە بېرىلدى. بىزمۇ تۆگىلىك بولۇپ قالدۇق.

تۆڭگە

  • تۆڭگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەرۋازىغا بېكىتىلگەن تۆمۈر ھالقىلىق تۇتقۇچ، ھالقا:[مىسال:] ئۇ دەرۋازىنىڭ تۆڭگىسىنى تۇتتى.

تۆڭگىلەك

  • تۆڭگىلەك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يۇمىلاق ھالقا شەكلىدە:[مىسال:] ئۇلار زىغىر پاخىلى ئۈستىگە تۈڭگىلەك بولۇپ ئولتۇرۇشتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كاللەك:[مىسال:] كەنتتىن تۆت تۆڭگىلەك دارامەت ئالدىم، ھۆكۈمەتكە ئىككى تۆڭگىلەككە ئاش ساتتىم.

تۆڭگىلەكلىمەك

  • تۆڭگىلەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھالقا شەكلىدە يۆگىمەك، تۆڭگىلەك قىلماق:[مىسال:] مېھرى ئىككىلىنىپ تۇرماي ئۇزۇن چاچلىرىنى تۆڭگىلەكلەپ چىگىپ قويۇپ، بىھوش ياتقان ياشنى تەسلىكتە ھاپاش قىلدى.

تۆل

  • تۆل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇغۇلغان قوزا، ئوغلاق:[مىسال:] بۇ يىل قىشتا بىر تۆلنى سوغۇقتا توڭلىتىپ قويدۇق. يەنە بىر تۆل بولسا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ئۆلۈك تۇغۇلدى.

تۆلەتمەك

  • تۆلەتمەك[يەشمىسى:] «تۆلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئادىل، قاچ قارىغىنا، سائەتنى سۇندۇردۇڭ، تۆلىتىدۇ، دەپ چۇرقۇراشتى تەڭتۇشلىرى.

تۆلەشمەك

  • تۆلەشمەك[يەشمىسى:] «تۆلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يىلقى تەقسىمات ياخشى بولدى، كەنتىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ قولىغا پۇل كىرىپ، ھەممىسى قەرزلىرىنى تۆلەشتى.

تۆلەڭ

  • تۆلەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆلىنىدىغان، قايتۇرۇلىدىغان نەرسە:[مىسال:] سەپەرقۇلنىڭ ئۆزى بولسا، 15 يېشىدا قەرز تۆلىڭى ھېسابىغا ۋاڭ ئوردىسىغا قۇللۇققا تۇتۇلغانىدى.

تۆلەم

  • تۆلەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① باشقىلارغا ياكى كوللېكتىپقا يەتكەن زىيانغا تۆلىنىدىغان ھەق؛ زىياننى تولدۇرۇشقا بىرىلگەن پۇل.[يەشمىسى:] ② ئۇرۇشتا يېڭىلگەن دۆلەت يەڭگەن دۆلەتكە تۆلەيدىغان ئۇرۇش چىقىمى.

تۆلەنمەك

  • تۆلەنمەك[يەشمىسى:] «تۆلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] نېمىدېگەن سەتچىلىك بۇ-دەيتتى رۇقىيەم ئىچىدە، ئەگەر ئۇ پۇل ئەتىلا تۆلەنمىسە... ياق رۇقىيەم خىيالىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى.

تۆللەتمەك

  • تۆللەتمەك[يەشمىسى:] «تۆللىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قوينى قوشلاپ تۆللەتكەن، كۆرسەتكۈچنى ئۆرلەتكەن، چارۋا مالنى كۆكلەتكەن، ئاغرىققا ھەم شىپا قىز.

تۆللەشمەك

  • تۆللەشمەك[يەشمىسى:] «تۆللىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۆللىمەك

  • تۆللىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۇغماق، قوزىلىماق:[مىسال:] رۇستەم ئاكا ئاخىرى قىزى چولپاندىن سورىدى: قىزىم، مۇشۇنىڭ بىلەن قانچە ساغلىق قوشكېزەك تۆللىدى

تۆلىمەك

  • تۆلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئېلىنغان، سەرپ قىلىنغان، پايدىلانغان نەرسىلەر ئۈچۈن ھەق ياكى پۇل قايتۇرماق، بەرمەك:[مىسال:] كىرا ھەققىنى تۆلىمەك.[يەشمىسى:] ② قەرزىنى قايتۇرماق، زىممىسىدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلماق:[مىسال:] ئەزالىق بەدىلىنى تۆلىمەك. قەرزنى تۆلىمەك. خىيانەتنى تۆلىمەك. باج تۆلىمەك.[يەشمىسى:] ③ يەتكۈزگەن زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرماق، ھەققىنى بەرمەك:[مىسال:] قان تۆلىمەك.

تۆمۈر

  • تۆمۈر[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] كۈل رەڭ ياكى ئاقۇچ كۈمۈش رەڭ، سوزۇلۇشچان، سۈمۈرۈشچان مېتال ئېلېمېنت. خىمىيىۋى بەلگىسى Fe. سانائەتتە قارا رەڭلىك مېتال دەپ ئاتىلىدۇ؛ پولات تاۋلاشنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى، شۇنداقلا ھاياتلىقلار تېنىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل ماددا.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

تۆمۈر تاۋاق

  • تۆمۈر تاۋاق[يەشمىسى:] مەڭگۈ مەھرۇم بولمايدىغان، باقىمەندە ئىمتىياز:[مىسال:] خىزمەتتە ياخشىلارمۇ، ناچارلارمۇ ئوخشاشلا تۆمۈر تاۋاققا ئىگە بولىۋەردى، كىرىشلا بار، چىقىش يوق؛ ئۆرلەشلا بار، چۈشۈش يوق بولۇپ قالدى.

تۆمۈر خوراز

  • تۆمۈر خوراز[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] سەلبىي مەنىدىكى سۆز.[يەشمىسى:] باشقىلارغا نەپ بەرمەيدىغان، پىششىق:[مىسال:] توختاش تازا بىر تۆمۈر خوراز تۇرسا، ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەتە مېھمانغا بارىمىز دېگىنىڭلار ئىشەنچىسىز بىر گەپ بوپتۇ. [يەشمىسى:] ② ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بىلەن ئىش كۆرىدىغان:[مىسال:] تۆمۈر خوراز روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە ياخشى ئېلىپبارايلى.

تۆمۈر-تەرسەك

  • تۆمۈر-تەرسەك[يەشمىسى:] ئىشلىتىلمەيدىغان، بۇزۇلغان تۆمۈر سايمانلار ۋە ھەر خىل مېتال، تۆمۈرلەر.

تۆمۈرتۇمشۇق

  • تۆمۈرتۇمشۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۆمۈر+تۇمشۇق[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. پۇتى قىسقا، بارماق ئۇچلىرىدا ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولىدۇ، دەرەخقە يامىشىشقا ماھىر كېلىدۇ؛ تۇمشۇقى تۈز ۋە ئۇچلۇق، تىلى ئىنچىكە، ئۇزۇن ۋە ئىلمەك بولۇپ، دەرەخ قوۋزاقلىرىنى چوقۇلاپ، قۇرتلارنى ئېلىپ يەيدۇ؛ قۇيرۇقى قاتتىق بولۇپ، دەرەخنى چوقۇلىغاندا تېنىنى تىرەش رولىنى ئۆتەيدۇ. ئۇ بىر خىل پايدىلىق قۇش بولۇپ، «جاڭگال دۇمباقچىسى»، «توقىچاق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تۆمۈرتىرناق

  • تۆمۈرتىرناق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۆمۈر+تىرناق[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بۈركۈتنىڭ بىر خىلى. كۆكسى ئاق، دۈمبىسى قارا، بېشىدا تۈكى يوق، بوينى ئاق كېلىدۇ؛ پۇتى قارىغۇجىنىڭكىدەك ئۆتكۈر تىرناقلىق ۋە كۈچلۈك بولىدۇ.

تۆمۈرتىكەن

  • تۆمۈرتىكەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۆمۈر+تىكەن[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئوغرىتىكەن.

تۆمۈرچى

  • تۆمۈرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆمۈردىن ھەر خىل ئەسۋاب ھەم سايمانلارنى ياسايدىغان ھەم ئۇنى رېمونت قىلىدىغان كىشى:[مىسال:] تۆمۈرچىنىڭ بىر ئۇرغىنى، يىڭنىچىنىڭ يۈز ئۇرغىنى (ماقال).

تۆمۈرچىلىك

  • تۆمۈرچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆمۈردىن تۆمۈر سايمان ۋە جابدۇقلارنى ياساش، رېمونت قىلىش ئىشى، كەسپى.

تۆمۈردەرەخ

  • تۆمۈردەرەخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۆمۈر+دەرەخ[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تۆمۈردەرەخ ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چاتقال. گۈلى سۇس قىزىل ياكى سۆسۈن رەڭدە بولىدۇ، تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدىن چىقىدۇ؛ مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.

تۆمۈرقالپاق

  • تۆمۈرقالپاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۆمۈر+قالپاق[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] گۈڭگۈرت بىرىكمىلىك كان ياتمىلىرىنىڭ ئوكسىدلىنىش بەلۋېغىدىكى قالدۇق قىسمى. ئۇ كان ئىزدەشتە ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر خىل بەلگە ھېسابلىنىدۇ.

تۆمۈرلۈك

  • تۆمۈرلۈك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە تۆمۈر بار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاقىلىق ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

تۆمۈريول

  • تۆمۈريول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۆمۈر+يول[[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] مەخسۇس پويىز ئۈچۈن لايىھىلەنگەن رېلىسلىق يول.

تۆمۈريولچى

  • تۆمۈريولچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆمۈريول ساھەسىدە ئىشلىگۈچى ئىشچى، خىزمەتچى.

تۆمۈنە

  • تۆمۈنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۆلە، توقۇم تىكىشكە ئىشلىتىدىغان، ئۇچى نەيزىسىمان، ئۆتكۈر كېلىدىغان، يىپنى ئىلىپ تارتىدىغان تۆشۈكچىسى بار، تۇتقۇچلۇق چوڭ جۇۋالدۇرۇز:[مىسال:] ئون تال يىڭنىنى سوقسا، بىر تال تۆمۈنە بولماس (ماقال).

تۆمۈنىسىمان

  • تۆمۈنىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۆمۈنىگە ئوخشايدىغان، تۆمۈنە شەكلىدىكى:[مىسال:] تۆمۈنىسىمان نەيزە.

تۆمۈنىلىك

  • تۆمۈنىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تۆمۈنىسى بار، تۆمۈنىگە ئىگە.[يەشمىسى:] ② تۆمۈنە ياساشقا بولىدىغان، تۆمۈنە ياساش ئۈچۈن تەييارلانغان، تۆمۈنىگە لايىق:[مىسال:] بىر تۆمۈنىلىك تۆمۈر.

تۆنەتمەك

  • تۆنەتمەك[يەشمىسى:] «تۆنىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھاشىم ئاكام چوڭ ئىككى پارچە گىلەمنى تۆنىتىپ، ھارۋىسىغا سېلىپ، سامان توشۇشقا خامانغا كەتتى.

تۆنەشمەك

  • تۆنەشمەك[يەشمىسى:] «تۆنىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۆنەلمەك

  • تۆنەلمەك[يەشمىسى:] «تۆنىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تۆنىمەك

  • تۆنىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چوڭ-چوڭ يۆمەپ تىكمەك:[مىسال:] سارىخان غەلۋىرنىڭ يىرتىلغان جايىنى تۆنەپ، خامانغا تەييار بولۇپ تۇردى.

تۆھپە

  • تۆھپە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن كۆرسەتكەن، ماختاشقا لايىق، پەخىرلىنەرلىك ئىش؛ سىڭدۈرگەن ئەجىر، خىزمەت ۋە شۇ خىزمەتتە كۆرۈلگەن نەتىجە:[مىسال:] تۆھپە قوشماق. تۆھپە ياراتماق.

تۆھپىسىز

  • تۆھپىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۆھپىسى يوق، تۆھپە قوشمىغان.

تۆھپىكار

  • تۆھپىكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] تۆھپىسى بار، تۆھپە ياراتقۇچى كىشى:[مىسال:] پاختىدىن مول ھوسۇل ئالغان تۆھپىكارلار تەقدىرلەندى. ∥ تۆھپىكار قىز.

تۆھپىكارلىق

  • تۆھپىكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆھپە يارىتىش.

تۆھمەت

  • تۆھمەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] باشقىلارنى قارىلاش، ئەيىبلەش مەقسىتىدە ئويلاپ چىقىرىلغان ئاساسسىز گەپ-سۆز؛ بەتنام، بوھتان، يالا:[مىسال:] تۆھمەت قىلماق. * تۆھمەت تاش يارىدۇ، بايقىمىساڭ باش يارىدۇ (ماقال).

تۆھمەت يېشى

  • تۆھمەت يېشى[يەشمىسى:] ئادەم تۇغۇلغاندىن كېيىنلا 12 ئايغا توشمىسىمۇ بىر ياش قوشۇپ ھېسابلىنىدىغان ياش.

تۆھمەتچى

  • تۆھمەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلار ئۈستىدە تۆھمەت، يالغان گەپلەرنى قىلىدىغان ئادەم، ئىغۋاچى.

تۆھمەتخور

  • تۆھمەتخور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا تۆھمەت قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن كىشى، تۆھمەتچى:[مىسال:] تۆھمەتخور ئاخىرى تۆھمەت بىلەن ئۆلەر (ماقال).

تۆھمەتخورلۇق

  • تۆھمەتخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆھمەت قىلىش ئىشى، ئادىتى:[مىسال:] ئۇنىڭ تۆھمەتخورلۇقى بېشىغا چىقتى.

تۆھمەتنامە

  • تۆھمەتنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆھمەت قىلىپ يېزىلغان خەت:[مىسال:] ئىشىنىپ نېچۈن شۇ تۆھمەتنامىغا، نە ئۈچۈن چۈشتۈم شەرىئەت دامىغا

تۆۋەن

  • تۆۋەن[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەس، ئاست:[مىسال:] مېۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن (ماقال). * گۇندىپاي كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، بېشىنى تۆۋەن سالدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر نەرسىنىڭ پەس، ئاياغ تەرىپى:[مىسال:] بۇ بۇلاق ئېگىز ئېتىز قىرىنىڭ تۆۋىنىدە بولغاچقا، يېزا تەرەپتىن قارىغاندا، بۇ يەر كۆرۈنمەيتتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نەتىجە، سۈپەت جەھەتتىن ناچار، دەرىجىسى كېيىن:[مىسال:] ئۆتكەن قېتىملىق ئىمتىھانغا ئايالىم قاتناشقان، نەتىجىسى بەك تۆۋەن چىقىپ قالدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەرىجە جەھەتتىن نىسبەتەن كەينىدە تۇرىدىغان، يۇقىرى ئەمەس:[مىسال:] شۇ چاغدا ئوڭ تەرەپتىكى قوشنىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، تۆۋەن سىنىپتا ئوقۇيدىغان دىلشات بوغچىسىنى ئېسىپ چىقىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاز، كەم؛ قىممەت ئەمەس:[مىسال:] دېمەك، ئۆي بۇ ئەھۋالدا ئىكەن، ئۇنىڭ ئىجارىسىمۇ تۆۋەن بولۇشى كېرەك دەپ ئويلىدۇق.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەس، كۈچسىز؛ ئاستا:[مىسال:] تۆۋەن ئاۋاز. * ئىشنىڭ سۈرئىتى مۆلچەردىكىدىن خېلى تۆۋەنىدى.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇن، تەشكىلات:[مىسال:] شۇمۇ مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر باشلىقى قىلىدىغان ئىشمۇ؟ مېنىڭ بىرنەچچە كۈن تۆۋەنگە كەتكەن ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ-ھە؟

تۆۋەنگە چۆكمەك

  • تۆۋەنگە چۆكمەك[يەشمىسى:] تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇن ۋە يېزىلارغا بېرىپ، بۇ جايلارنىڭ ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىمەك، تەكشۈرمەك.

تۆۋەنچىلىك

  • تۆۋەنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزىنى پەس، تۆۋەن تۇتىدىغان ھالەت؛ كەمتەرلىك:[مىسال:] تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرماق.

تۆۋەندە

  • تۆۋەندە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بۇنىڭ كەينىدىن، بۇنىڭغا ئۇلاپلا، پەستە، ئاخىرىدا:[مىسال:] تۆۋەندە بېرىلگەن مىساللارنى يېشىڭ. * يەنە بەزى ئىشلارنى تەكشۈرگەنىدۇق، ئۇلارنىمۇ تۆۋەندە ئوقۇپ ئۆتىمەن.

تۆۋەندىكىچە

  • تۆۋەندىكىچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تۆۋەندە ئېيتىلغاندەك، تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن بويىچە؛ تۆۋەندىكىگە ئوخشاش:[مىسال:] بۇ مەسىلىنى تۆۋەندىكىچە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

تۆۋەندىكىدەك

  • تۆۋەندىكىدەك[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تۆۋەندىكىگە ئوخشاش، تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن بويىچە، تۆۋەندىكىچە:[مىسال:] بۇ ئىش تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

تۆۋەنكى

  • تۆۋەنكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۆۋەن تەرەپكە ئورۇنلاشقان، تۆۋەن تەرەپتىكى:[مىسال:] تۆۋەنكى جاغ. تۆۋەنكى چىش.

تۆۋەنلەتمەك

  • تۆۋەنلەتمەك[يەشمىسى:] «تۆۋەنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئەسلىدىكى پىلان كۆرسەتكۈچنى تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

تۆۋەنلەشتۈرمەك

  • تۆۋەنلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «تۆۋەنلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قاسىم كەنتتىكى ئەمىلىنى تۆۋەنلەشتۈرۈپ مەھەللە بوغالتىرى قىلىپ قويغان چاغلاردا، جىمىپ تەلپەككە پاتقانىدى.

تۆۋەنلەشتۈرۈشمەك

  • تۆۋەنلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «تۆۋەنلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۆۋەنلەشتۈرۈلمەك

  • تۆۋەنلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «تۆۋەنلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تۆۋەنلەشمەك

  • تۆۋەنلەشمەك[يەشمىسى:] ① «تۆۋەنلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] دادۈي كادىرلىرى بوز يەرگە بارماقچى بولۇپ، ئېگىز-پەس ئېلىنغان يولنى بويلاپ تۆۋەنلەشتى.[يەشمىسى:] ② تۆۋەن ھالەت، دەرىجىدە بولماق؛ تۆۋەنرەك، پەسرەك چۈشمەك:[مىسال:] نېمىشقا خانىدانلىقنى تىكلەش يولىدا خانىمىزغا ھەمدەم بولماي، تۆۋەنلىشىپ، باش ۋەزىر سارىيىنىڭ بىر خىزمەتچىسى بولۇۋالدىلا

تۆۋەنلىتىلمەك

  • تۆۋەنلىتىلمەك[يەشمىسى:] «تۆۋەنلەتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تەڭشەش ئارقىلىق، تەننەرخ تۆۋەنلىتىلدى.

تۆۋەنلىك

  • تۆۋەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پەس، تۆۋەن جاي:[مىسال:] تۆۋەنلىكتىكى ئۆينىڭ ئالدىدا سۇ تۇرۇبىسىنىڭ سېمونتلانغان مەيدانچىسى بار ئىدى.[يەشمىسى:] ② دەرىجە، ئورۇن جەھەتتە باشقىلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغان ھالەت؛ ئازلىق، كەملىك:[مىسال:] ئۇ ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى تۆۋەنلىكنى ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

تۆۋەنلىمەك

  • تۆۋەنلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پەس تەرەپكە قاراپ چۈشمەك، پەسلىمەك:[مىسال:] كەلكۈن ئېھتىيات سىزىقىدىن بىر مېتىر تۆۋەنلىدى.[يەشمىسى:] ② پەس، تۆۋەن تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلىمەك، يۈرۈش قىلماق:[مىسال:] بىز بوۋايغا ئەگىشىپ، بىردەم يۇقىرىلاپ، بىردەم تۆۋەنلەپ دېگۈدەك مېڭىپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە داۋانغا چىقىپ بولدۇق.[يەشمىسى:] ③ يول، دەريانىڭ ئاخىرلىشىش تەرىپىگە، ئايىغىغا قاراپ ماڭماق:[مىسال:] ئاق ساقاللىق، چەبدەس ئۇستام ئات بىلەن قوغان يېزىسىدىن تۈمەن دەرياسىنى بويلاپ تۆۋەنلىمەكتە.[يەشمىسى:] ④ نەتىجىسى، مىقدارى ئازايماق، كەملىمەك:[مىسال:] ئەزىز بۇ قېتىمقى ئىمتىھان نومۇرىنى 90 پىرسەنتتىن تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ دەپ ئىشەنچ قىلىپ ئولتۇرغانىدى.[يەشمىسى:] ⑤ خىزمەت، ئىش ئورنى، ئەمەل دەرىجىسى كىچىكلىمەك، پەسلىمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھەركىم ھەرنېمە دەپ باقتى.[يەشمىسى:] ⑥ سۈپىتى، ئۈنۈمى يامان تەرەپكە قاراپ يۈزلەنمەك، ناچارلاشماق:[مىسال:] نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىش ۋاقتى ئۇزارتىلسا، ئۆگىنىش ئۈنۈمى ئەكسىچە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ[يەشمىسى:] ⑦ ئاجىزلاشماق، كۈچسىزلەشمەك، پەسلىمەك:[مىسال:] ئاۋازى تۆۋەنلىمەك. ھارارىتى تۆۋەنلىمەك.

تۆۋەينى

  • تۆۋەينى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۆۋەن+يېنى[[يەشمىسى:] تۆۋەن تەرىپى، تۆۋىنى:[مىسال:] يىگىتلەر چاپىنىنى مۈرىسىگە سېلىپ، تۆۋەينىدىن چىقىپ كېلىۋاتقان قۇدرەتنى كۆردى.

تۈبۈت

  • تۈبۈت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تارخ<[يەشمىسى:] مەملىكىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى چىڭخەي، شىزاڭ ئېگىزلىكىدە ياشىغان قەدىمكى مىللەت. ئۇ يەنە «تىبەت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇمىللەت تاڭ سۇلالىسى زامانىدا مەملىكىتىمىز ئىچىدە ھاكىمىيەت قۇرغان.

تۈپⅠ

  • تۈپⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاساسىي؛ نېگىزلىك:[مىسال:] تۈپ سەۋەب. تۈپ پرىنسىپ. تۈپ مەنپەئەت. تۈپ زىددىيەت. تۈپ مەقسەت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەسلىي، ئەسلىدىكى:[مىسال:] تۈپ سۆز.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پۈتۈنلەي، ئۈزۈل-كېسىل:[مىسال:] ھازىر بىز ئۈچ جەھەتتىكى مەسىلىدە تۈپ ياخشىلىنىش ھاسىل قىلالىغىنىمىز يوق.

تۈپ سان

  • تۈپ سان[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] 1 گە ۋە ئۆزىگە پۈتۈن بۆلۈنىدىغان پۈتۈن سان. مەسىلەن، 2، 3، 5، 7، 11 قاتارلىقلار.

تۈپ سۆز

  • تۈپ سۆز[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] قۇرۇلما جەھەتتىن مەنىلىك بۆلەكلەرگە، يەنى مورفېمىغا بۆلۈشكە بولمايدىغان، پەقەت بىرلا مۇستەقىل مورفېمىدىن تەشكىل تاپقان سۆز.

تۈپ

  • تۈپ[يەشمىسى:] ① Ⅱ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈك ياكى دەرەخلەرنىڭ ھەر دانىسى:[مىسال:] بۇ كۆچەتنىڭ ھەر تۈپىنى ئىككى كويدىن سېتىۋالدىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بەش تۈپ ئالما.

تۈپەيلى

  • تۈپەيلى[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] سەۋەبلىك، سەۋەبى بىلەن، ئارقىسىدا:[مىسال:] مەن تۈپەيلى ساڭا بىرەر زىيان-زەخمەت يېتىپ قالماسمۇ دەپ سورىدى ئىنىسى.

تۈپەيلىدىن

  • تۈپەيلىدىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] سەۋەبىدىن؛ ئارقىسىدا:[مىسال:] ياسىن زىيا ھارغىنلىق، ئۇيقۇسىزلىق تۈپەيلىدىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى سول قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن بىرنەچچە قېتىم ئۇۋۇلىدى.

تۈپتالاس

  • تۈپتالاس[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] خانىۋەيران:[مىسال:] تۈپتالاس قىلماق.

تۈپتىن

  • تۈپتىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تېگى-تەكتىدىن؛ پۈتۈنلەي:[مىسال:] تۈپتىن پەرقلەنمەك. تۈپتىن ئۆزگەرمەك.

تۈپچەك

  • تۈپچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوناق قاتارلىق غوللۇق زىرائەتلەر ئورۇپ ئېلىنغاندىن كېيىن قالغان يىلتىز قىسمى، كۆتەك.

تۈپكى

  • تۈپكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نېگىزلىك، ماھىيەتلىك، ئاساسىي:[مىسال:] تۈپكى مەقسەت.

تۈپلەتمەك

  • تۈپلەتمەك[يەشمىسى:] «تۈپلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن ژۇرناللىرىمنىڭ ھەممە يىللىق سانلىرىنى تۈپلىتىپ قويدۇم.

تۈپلەشمەك

  • تۈپلەشمەك[يەشمىسى:] «تۈپلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۈپلەنمە

  • تۈپلەنمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈپلىنىپ بولۇنغان، تۈپلەنگەن:[مىسال:] تۈپلەنمە كىتاب.

تۈپلەنمەك

  • تۈپلەنمەك[يەشمىسى:] «تۈپلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كىتاب تۈپلىنىپ بولدى.

تۈپلۈك

  • تۈپلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاساسىي، ماھىيەتلىك:[مىسال:] ئۇ بۇنداق كېتىۋېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى، زاۋۇتتا تۈپلۈك ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلاتتى.

تۈپلىمەك

  • تۈپلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بۇغداي، شال قاتارلىق زىرائەتلەر يىلتىزىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئاساسىي غولىنىڭ يېنىدىن قوشۇمچە غول، شاخلارنى چىقارماق، شاخلىماق:[مىسال:] قارامتۇل بولۇپ تۈپلەۋاتقان كۈزگى بۇغداي بۇ يىل ناھايىتى تەكشى بولۇق ئىدى.[يەشمىسى:] ② كىتاب بەتلىرىنى، گېزىت-ژۇرنال قاتارلىقلارنى رەت تەرتىپى بويىچە بىرلەشتۈرۈپ تىكمەك، مىخلىماق:[مىسال:] ئۇ خىلمۇخىل ژۇرناللارنى باشقىدىن تۈرگە ئايرىپ، توپلام قىلىپ تۈپلەپ چىققانىدى.

تۈپۈك

  • تۈپۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چوپسا، يىرىك ئېكەك.

تۈپ-يىلتىز

  • تۈپ-يىلتىز[يەشمىسى:] تۈپ ماھىيەت، تېگى-تەكتى:[مىسال:] تۈپ-يىلتىزىدىن قۇرۇتماق.

تۈتەتمەك

  • تۈتەتمەك[يەشمىسى:] «تۈتىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تۈتەشمەك

  • تۈتەشمەك[يەشمىسى:] «تۈتىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۈتەك

  • تۈتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئوت يالقۇنلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن ئىس، تۈتۈن:[مىسال:] پۈتۈن ئەتراپنى تۈتەك باسقان بولۇپ، بىر ماڭدام يەردىكى ئادەمنى كۆرگىلى بولمايتتى.[يەشمىسى:] ② ھاۋانىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى تۇمان:[مىسال:] تۈن ئۆزىنىڭ قارا پەردىسىنى يېپىپ، ئەتراپنى تېخىمۇ قويۇق تۈتەك باستى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زۇلمەت، غەزەپ، ۋەھىمىنى بىلدۈرىدىغان ئالامەت؛ كۆرۈنۈش:[مىسال:] كىشىلەرنىڭ چىرايىدىكى غەزەپلىك تۈتەك ئاللىقاچان غايىب بولغانىدى.

تۈتەكلەشمەك

  • تۈتەكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۈتەك باسقان ھالەتكە كەلمەك، تۈتەك بىلەن قاپلانماق:[مىسال:] ئاسمان تۈتەكلىشىپ، يۇلتۇزلار كۆرۈنمەيتتى.

تۈتەكلىك

  • تۈتەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈتەك باسقان، تۈتەك قاپلىغان:[مىسال:] تۈتەكلىك كۈنلەرنى قوغلىدۇق، جىلۋىلىك گۈزەل تاڭ ئاتقاچقا.

تۈتۈ

  • تۈتۈ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] توخۇلارنى چاقىرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۈتۈمەددە كېسەللىكى:[مىسال:] بالا ئۇخلاۋېتىپ كاسسىنى قاشلىسا، سوڭى ئەتراپىدا كىچىك قۇرتلارنىڭ يۈرگەنلىكى كۆرۈلسە، بۇ بالا تۈتۈ بولۇپ قالغان بولىدۇ.

تۈتۈك

  • تۈتۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] توقۇمىچىلار يىپ تۇرىدىغان كىچىك ياغاچ.

تۈتۈمەددە

  • تۈتۈمەددە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۈتۈ+مەددە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل پارازىت قۇرۇت، تېنى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئاقۇچ رەڭدە يىپ ئۇچىغا ئوخشايدۇ، ئادەمنىڭ كىچىك ئۈچىيى ئاستىدا ۋە چوڭ ئۈچەيدا ياشايدۇ، چىشىسى دائىم مەقئەتتىن ئۆمىلەپ تۇخۇم سالىدۇ، كېسەلنىڭ مەقئىتى قىچىشىدۇ، ئورۇقلاپ كېتىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ.

تۈتۈن

  • تۈتۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ماددىلار كۆيگەندە ھاۋاغا ئاجرىلىپ چىقىدىغان، ئۇششاق زەررىچىلەردىن ئىبارەت بولغان گازسىمان جىسىملار يىغىندىسى، ئىس:[مىسال:] تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئائىلە:[مىسال:] بىلەمسەن، باشلىق ئوغلۇم. بىزنىڭ بۇ ناھىيىدە 10 مىڭغا يېقىن تۈتۈن بار.

تۈتۈنسىز

  • تۈتۈنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈتۈنى يوق، تۈتىمەيدىغان، تۈتۈن چىقارمايدىغان:[مىسال:] تۈتۈنسىز پورۇخ.

تۈتۈنلۈك

  • تۈتۈنلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈتۈن بىلەن قاپلانغان:[مىسال:] تۈتۈنلۈك ئاسمان.

تۈتىمەك

  • تۈتىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆيمەي، يانماي، تۈتۈن چىقىرىپ تۇرماق.

تۈجۈپىلەتمەك

  • تۈجۈپىلەتمەك[يەشمىسى:] «تۈجۈپىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تۈجۈپىلەشمەك

  • تۈجۈپىلەشمەك[يەشمىسى:] «تۈجۈپىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۈجۈپىلەنمەك

  • تۈجۈپىلەنمەك[يەشمىسى:] «تۈجۈپىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تۈجۈپىلىمەك

  • تۈجۈپىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەممە تەرەپلەرگە كۆڭۈل قويۇپ، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلىمەك:[مىسال:] دادام كىچىككىنە ساقال تارغىقى بىلەن سېرىق ساقىلىنى تۈجۈپىلەپ تارىغاندىن كېيىن، سەللىسىنى باشقىدىن ئورىدى.

تۈر

  • تۈر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بەلگىلىرى، خۇسۇسىيەتلىرى، رولى جەھەتتىن مەلۇم ئومۇملۇققا ئىگە بولغان نەرسىلەر گۇرۇپپىسى، ئايرىمىسى:[مىسال:] شۇنداق، دېدى گېپىنى داۋام قىلىپ چوڭ كۆزەينەك، كۆزەينەكلەرنىڭ تۈرى بەك كۆپ، سەن بىلمەيسەن.[يەشمىسى:] ② بىر پۈتۈن نەرسىنىڭ ئالاھىدىلىك، پەرق جەھەتتىن ئايرىلغان، بۆلۈنگەن بۆلۈنمىسى:[مىسال:] مەھسۇلات تۈرلىرى. ئالماش ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى.[يەشمىسى:] ③ ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى «-دە» بىلەن كېلىپ، ئىش-ھەرىكەت، پائالىيەت، يۈرۈش-تۇرۇشنىڭ مەلۇم «رەۋىشتە»، «تەرىزدە»، «ھالەتتە» ئېلىپ بېرىلىشىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] زىيالىيلار سىياسىتىنى داۋاملىق تۈردە تېرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز لازىم.

تۈرتەك

  • تۈرتەك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئورالغان، تۈرتەكلەنگەن بۆلۈكى؛ ئورام، بولاق:[مىسال:] ئۇنىڭ ھەربىر تۈرتىكىدە بەش-ئالتە پارچىدىن بورا بار ئىكەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ، تۈرتەكلەنگەن نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر تۈرتەك يىپ. بىر تۈرتەك قەغەز.

تۈرتەكلەتمەك

  • تۈرتەكلەتمەك[يەشمىسى:] «تۈرتەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تۈرتەكلەشمەك

  • تۈرتەكلەشمەك[يەشمىسى:] «تۈرتەكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۈرتەكلەنمەك

  • تۈرتەكلەنمەك[يەشمىسى:] «تۈرتەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] نۇردۇن ھاكىم چىرايلىق تۈرتەكلەنگەن ئىمتىھان قەغىزىنى تاپشۇرۇپ بېرىۋاتقاندىمۇ ئەنە شۇ خىياللارنى سۈردى.

تۈرتەكلىمەك

  • تۈرتەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۈرۈپ يۆگىمەك؛ ئورىماق، يىغماق:[مىسال:] قارىداپ كەتكەن تامغا كونا كورەك جۇۋا تۈرتەكلەپ قويۇلغانىدى.

تۈرتكە

  • تۈرتكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەتنىڭ باشلىنىش، يۈز بېرىش ۋە ئەمەلگە ئېشىشىغا سەۋەب بولغان نەرسە؛ مەدەت، ئىلھام:[مىسال:] ئۇ شېرىن مۇرادى ھاسىل بولمىغان بىر چۈشنىڭ تۈرتكىسى بىلەن تۈندە ئويغاندى.

تۈرتكۈزمەك

  • تۈرتكۈزمەك[يەشمىسى:] «تۈرتمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تۈرتكىلىك

  • تۈرتكىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنىڭ يۈز بېرىشى، ئەمەلگە ئېشىشىغا سەۋەب، ئىلھام بولىدىغان؛ مەدەت بېرىدىغان:[مىسال:] بۇ ئادىلغا يەنە بىر جەھەتتىن ئىشنى تېزرەك تۈگىتىش ئۈچۈن تۈرتكىلىك رولنىمۇ ئوينىدى.

تۈرتمەك

  • تۈرتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قاتتىق ئىتتەرمەك، سۈرمەك:[مىسال:] شۇ پەيتتە تۈرتۈپ كەلگەن سۇ سابىرنى بىرنەچچە مېتىر كەينىگە داجىتىۋەتتى.[يەشمىسى:] ② تېز ۋە قاتتىق نوقۇماق:[مىسال:] كېيىن ئۇ جەينىكى بىلەن يىگىتنى تۈرتۈپ، ھېيتەمنى كۆرسىتىپ قويدى.

تۈرتۈشمەك

  • تۈرتۈشمەك[يەشمىسى:] «تۈرتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئىككى سائەتتەك تۈرتۈشتى.

تۈرتۈلمەك

  • تۈرتۈلمەك[يەشمىسى:] «تۈرتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تۈرتۈم

  • تۈرتۈم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ تۈرتۈپ يىغىلغان دۆۋىسى:[مىسال:] تراكتور ئالدىغا توپا تۈرتۈۋاتاتتى. ھەربىر تۈرتۈمى بىلەن بىر مېتىر يەر تولدۇرۇلدى.

تۈرتۈمچى

  • تۈرتۈمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەرقانداق ئىشنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن، قوپال ئۇسۇلدا ئېلىپ بارىدىغان كىشى.

تۈرداش

  • تۈرداش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر تۈردىكى، بىر خىلدىكى، بىر خىل:[مىسال:] تۈرداش ئىسىم. تۈرداش ئۇقۇم.

تۈرداشلىق

  • تۈرداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈرى، خىلى جەھەتتىكى ئوخشاشلىق، بىر خىللىق.

تۈرك

  • تۈرك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى، تۈركلەر ئاساسەن تۈركىيىگە جايلاشقان بولۇپ، تۈركىيىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

تۈركچە

  • تۈركچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈركلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ تىلى، يېزىقى، مەدەنىيىتىگە تەئەللۇق بولغان:[مىسال:] تۈركچە كىتاب. تۈركچە يېزىق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈرك تىلى:[مىسال:] مەن تۈركچىنى ئۆگەندىم.

تۈركشۇناس

  • تۈركشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى، يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىس، ئالىم؛ تۈركولوگ.

تۈركشۇناسلىق

  • تۈركشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىدىغان پەنلەر مەجمۇئەسى، تۈركولوگىيە.

تۈركمەن

  • تۈركمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتىگە، ئازراق قىسمى ئىران، ئافغانىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئولتۇراقلاشقان.

تۈركمەنچە

  • تۈركمەنچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈركمەنلەر ۋە تۈركمەن خەلقىگە خاس بولغان، ئۇلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتىگە تەئەللۇق بولغان:[مىسال:] تۈركمەنچە ئۇسسۇل. تۈركمەنچە كىتاب.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈركمەن تىلى:[مىسال:] سىز تۈركمەنچىنى بىلەرسىز

تۈركولوگ

  • تۈركولوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] «تۈركشۇناس»قا قاراڭ.

تۈركولوگىيە

  • تۈركولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] «تۈركشۇناسلىق»قا قاراڭ.

تۈركۈم

  • تۈركۈم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① توپ، گۇرۇپپا:[مىسال:] بىرىنچى تۈركۈمدىكى بالىلارنى دادام ئۆزى باشلاپ ماڭغۇدەك.[يەشمىسى:] ② بىر-بىرىگە، باغلىق بولغان پۈتۈنلۈكنىڭ تارمىقى، بۆلۈكى:[مىسال:] تىل تۈركۈمى. سۆز تۈركۈمى. تۈركۈمگە ئايرىماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باسقۇچ، قەدەم:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ، «خىزمەت تەكشۈرۈش ئەترىتى» ھۈسىيىن ئابباس ئوغلىنىڭ مەسىلىسىنى بىرىنچى تۈركۈمدە ھەل قىلدى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] كۆپ خانىلىق سانلاردا ھەر ئۈچ خانىنى بىر قىلىپ ئايرىغان بۆلەك.

تۈركۈم-تۈركۈم

  • تۈركۈم-تۈركۈم[يەشمىسى:] بىرقانچە تۈركۈم، توپ-توپ.

تۈركۈم-تۈركۈملەپ

  • تۈركۈم-تۈركۈملەپ[يەشمىسى:] تۈركۈم-تۈركۈملەر بويىچە، توپ-توپ بولۇپ:[مىسال:] قوشنا يېزىلاردىمۇ تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئادەملەر كېلىپ، ئويۇننى كۆرۈشكە باشلىدى.

تۈركۈملەپ

  • تۈركۈملەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تۈركۈمى بىلەن، كۆپلەپ:[مىسال:] تۈركۈملەپ يوقاتماق.

تۈركۈملەپ-تۈركۈملەپ

  • تۈركۈملەپ-تۈركۈملەپ[يەشمىسى:] تۈركۈم-تۈركۈملەر بويىچە، توپ-توپ بولۇپ:[مىسال:] ئادەملەر مېيىت نامىزىغا تۈركۈملەپ-تۈركۈملەپ كېلىشكە باشلىدى.

تۈركۈملەشمەك

  • تۈركۈملەشمەك[يەشمىسى:] «تۈركۈملىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۈركۈملەنمەك

  • تۈركۈملەنمەك[يەشمىسى:] «تۈركۈملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تۈركۈملىمەك

  • تۈركۈملىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۈركۈملەرگە، توپ-توپقا ئاجراتماق، بۆلمەك:[مىسال:] ئامىنە دوسكىغا چىقىپ ئالدى بىلەن ئوڭدىن سولغا ئۈچ خانىنى بىر قىلىپ سانلارنى تۈركۈملىۋالدى.

تۈركىي

  • تۈركىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈرك خەلقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تىلى، يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ بولغان:[مىسال:] تۈركىي تىللار.

تۈركىي تىللار

  • تۈركىي تىللار[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى تۈركىي تىللار تۈركۈمىگە تەۋە بولغان تىللار.

تۈركىي تىللار تۈركۈمى

  • تۈركىي تىللار تۈركۈمى[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى تىل تۈركۈملىرىنىڭ بىرى. بۇ تىل تۈركۈمىگە تەۋە تىللار ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپانىڭ بەزى جايلىرىغا تارالغان. بۇ تىل تۈركۈمىگە ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلى، قىرغىز تىلى، ئۆزبېك تىلى، تاتار تىلى، تۈركمەن تىلى، ئەزەربەيجان تىلى، باشقىرت تىلى، ياقۇت تىلى، نوغاي تىلى، گاگاۋۇز تىلى، خاكاس تىلى، قارا قالپاق تىلى، چۇۋاش تىلى، تۈرك تىلى، سالار تىلى، يۇغۇر تىلى (سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى يۇغۇرلارنىڭ تىلىنى كۆرسىتىدۇ) قاتارلىقلاركىرىدۇ.

تۈرگە

  • تۈرگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① توقۇلغان ماتا، ئەتلەس قاتارلىقلار يۆگىلىپ، تۈرۈلۈپ تۇرىدىغان توغرا قىرلىق ياغاچ:[مىسال:] تۈرگە قوزۇق. تۈرگە پۇتى.[يەشمىسى:] ② تىكىش ماشىنىسىنىڭ ناچىغا يىپ تۈرىدىغان زاپچىسى.[يەشمىسى:] ③ توپا، قار قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىتتىرىپ، تۈرتۈپ بىريەرگە دۆۋىلەپ ياكى يۆتكەشتە ئىشلىتىدىغان تۇتقۇچلۇق تاختا (ھايۋانلارغا سۆرىتىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ).

تۈرگۈچⅠ

  • تۈرگۈچⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىپ تۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يىك، ناچا، قومۇش قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي نامى.

تۈرگۈچⅡ

  • تۈرگۈچⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سىرغا.

تۈرگۈن

  • تۈرگۈن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قورقماس، يۈرەكلىك، جۈرئەتلىك، دادىل:[مىسال:] ئاشپەز يولۋاستەك تۈرگۈن ئادەم بۇلغىنى بىلەن، كۆڭلى پاختىدەك يۇمشاق ئىدى. ∥ ئۈرۈمچىلىك نۈجۈپ دېگەن مەن بولىمەن دېدى ئۇ تۈرگۈن سۆزلەپ.

تۈرگۈنلۈك

  • تۈرگۈنلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈرگۈن ھالەت ياكى خاراكتېر:[مىسال:] ئۇ دېمەكچى بولغان گەپلىرىنى ھەرقانداق يەردە تارتىنماي، تۈرگۈنلۈك بىلەن سۆزلەشنى بىلەتتى.

تۈرگىلىمەك

  • تۈرگىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۈرگە بىلەن ئىتتىرىپ دۆۋىلىمەك، تۈرگە بىلەن يىغماق:[مىسال:] ماشىنا بىلەن قار تۈرگىلىمەك.

تۈرلەتمەك

  • تۈرلەتمەك[يەشمىسى:] «تۈرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مۇئەللىم ماڭا بەش ئىسىمنى كېلىشلەر بىلەن تۈرلىتىپ باقتى.

تۈرلەشمەك

  • تۈرلەشمەك[يەشمىسى:] «تۈرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلار گرامماتىكىنىڭ يازما مەشىقىدە بىرقانچە ئىسىمنى كېلىش، شەخس، سان جەھەتتىن تۈرلەشتى.

تۈرلەنمە

  • تۈرلەنمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈرلىنىشتىن كېلىپ چىققان، تۈرلەندۈرۈلگەن نەرسە:[مىسال:] مەنىۋى مەدەنىيەت مۇئەييەن ماددىي شارائىتتىن ئايرىلىپ كېتەلمەيدۇ، لېكىن ئۇ ماددىي مەدەنىيەتنىڭ تۈرلەنمىسى ياكى قوشۇمچىسى ئەمەس.

تۈرلەنمەك

  • تۈرلەنمەك[يەشمىسى:] «تۈرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ سۆز تۈرلەنمەيدۇ.

تۈرلۈك

  • تۈرلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مەلۇم تۈر، تارماق، خىلغا ئىگە بولغان:[مىسال:] ئەركىشىگە يەتمىش تۈرلۈك ھۈنەر ئاز (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان، ھەر خىل، خىلمۇخىل:[مىسال:] ئۇلار يۇرتىغا بېرىۋالسىلا تۈرلۈك ئەندىشىلەردىن خالىي بولماق ئاسان.

تۈرلۈك-تۈرلۈك

  • تۈرلۈك-تۈرلۈك[يەشمىسى:] ھەر خىل، ھەر ياڭزا، خىلمۇ-خىل:[مىسال:] كۈنلەر ئۆتۈشى بىلەن بالىلارنىڭ تۈرلۈك-تۈرلۈك قىلىقلىرى چىقىشقا باشلىدى.

تۈرلۈك-تۈمەن

  • تۈرلۈك-تۈمەن[يەشمىسى:] تۈرلىرى ھەر خىل، خىلمۇخىل:[مىسال:] دەرەخ شاخلىرىدا سايرىشىۋاتقان تۈرلۈك-تۈمەن قۇشلارنىڭ يېقىملىق ئاۋازلىرى، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئارام بېغىشلايدىكەن.

تۈرلۈكچە

  • تۈرلۈكچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھەر خىل، تۈرلۈك ئۇسۇلدا:[مىسال:] بۇ تەدبىرلەر تۈرلۈك مەملىكەتلەردە ئەلۋەتتە تۈرلۈكچە بولىدۇ.

تۈرلىمەك

  • تۈرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر-بىرىگە ماس ھالدا تۈرلەرگە ئايرىماق:[مىسال:] نەرسىلەرنى تۈرلىمەك.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] سۆزلەرگە تۈرلۈگۈچى مورفېمىلارنى قوشۇپ ئۆزگەرتمەك:[مىسال:] مۇنۇ ئىسىملارنى كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەڭلار.

تۈرمە

  • تۈرمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] گۇناھكارلارنى سولايدىغان جاي، سولاقخانا:[مىسال:] تۈرمىگە ئالماق. تۈرمىگە سالماق. تۈرمىگە قامىماق.

تۈرمەكⅠ

  • تۈرمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئورالغان، تۈگۈلگەن، تۈرۈلگەن:[مىسال:] ئايىم چېچىنى تۈرمەك قىلىپ چىگىۋالغانىدى.

تۈرمەكⅡ

  • تۈرمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئېگىرىلگەن، تولانغان يىپنى ناچا ياكى قومۇشقا يۆگىمەك.[يەشمىسى:] ② يەڭ، پۇچقاق قاتارلىقلارنى سىرتىغا ئۆرۈپ، يۇقىرىغا قارىتىپ قاتلىماق:[مىسال:] يېڭىنى تۈرمەك.[يەشمىسى:] ③ يۈز، چىراينىڭ تېرە مۇسكۇللىرىنى پۈرۈشتۈرمەك:[مىسال:] قوشۇمىسىنى تۈرمەك. تەلەتىنى تۈرمەك.[يەشمىسى:] ④ تۈگمەك (مۇشت ھەققىدە):[مىسال:] مۇشتۇمىنى تۈرمەك.

تۈرمەكلەنمەك

  • تۈرمەكلەنمەك[يەشمىسى:] «تۈرمەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] دېرىزىگە تارتىلغان گۈللۈك، قىرغىزچە پەردە تۈرمەكلىنىپ قويۇلغانىدى.

تۈرمەكلىمەك

  • تۈرمەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۈرمەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئورىماق، تۈرمەك قىلىپ تۈگمەك:[مىسال:] بۇرۇن خاسىيەت چېچىنى چوققىسىغا تۈرمەكلىۋالاتتى.

تۈرمەل

  • تۈرمەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قولاشقان، [يەشمىسى:] تۈرۈلگەن، قاتلانغان جاي، قورۇق:[مىسال:] قېرىلىقتىن ئۇنىڭ بويۇنلىرى تۈرمەل بولۇپ كېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئىچىگە تاش ئېلىپ، شاخ-شۇمبا ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولىنى يۆگەپ باغلىغان، سۇنى توسۇشقا ئىشلىتىلىدىغان چوڭ باغلام.[يەشمىسى:] ③ ئارىسىغا كۆكتات ئېلىپ، تۈرمەللەپ، جىمبىلدا پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل ھورنان.

تۈرمەللىك

  • تۈرمەللىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈرمەللەنگەن، تۈرۈلگەن، قاتلانغان:[مىسال:] تۈرمەللىك قەغەز. تۈرمەللىك رەخت.

تۈرمەللىمەك

  • تۈرمەللىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يۆگەپ، تۈرۈپ تۈرمەل ھالەتكە كەلتۈرمەك؛ تۈرمەكلىمەك:[مىسال:] ئۇ چېچىنى بېشىغا تۈرمەللەپ، ئۈستىدىن ناۋات رەڭ ھىلھىلە ياغلىقىنى چىگىۋالغانىدى.[يەشمىسى:] ② تاشقىننى ياكى بۇزۇلغان قاشنى تۈرمەل بىلەن ئەتمەك:[مىسال:] كىشىلەر ئەتىسى دەرياغا يەتتە بۇقىنى ئورنىتىپ تۈرمەللىدى.

تۈرمۈزە

  • تۈرمۈزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېگىرىلگەن يىپنى يىكتىن قومۇشقا تۈرۈشتە قومۇش كىرگۈزۈلىدىغان چوڭ يىك.

تۈرمىداش

  • تۈرمىداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر تۈرمىدە بىرگە ياتقان، تۈرمە ھاياتىنى بىرگە ئۆتكۈزگەن كىشى.

تۈرمىداشلىق

  • تۈرمىداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈرمىدە بىللە ياتقانلىق:[مىسال:] بۇ قېتىم ئۇ ماڭا گومىنداڭ ۋاقتىدىكى تۈرمىداشلىقىمىزنىڭ يۈزىنى قىلدى.

تۈرۈشتۈرمەك

  • تۈرۈشتۈرمەك[يەشمىسى:] ① «تۈرۈشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② تۈرۈلگەن ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] سولى، خېنىمىڭ بىلەن ئىشىم يوق دەپتۇ ئۇكام ئاچچىقى بىلەن پېشانىلىرىنى تۈرۈشتۈرۈپ.

تۈرۈشمەك

  • تۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «تۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار يەڭلىرىنى تۈرۈشتى.

تۈرۈكⅠ

  • تۈرۈكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈرۈلگەن، تۈرۈلۈپ تۇرغان:[مىسال:] ھەممىسىنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈك، ئاۋازلىرى بوغۇق ئىدى.

تۈرۈكⅡ

  • تۈرۈكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خەت-ساۋاتى يوق، ئوقۇمىغان، بىلىمسىز:[مىسال:] نەسەبدىن گەپ ئاچقاندا، مەن ئەسلىي ئادەتتىكى بىر تۈرۈكمەن، ياشلىقىمدىن سازغا ئىشتىياقىم بار ئىدى.

تۈرۈكلۈكⅠ

  • تۈرۈكلۈكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈرۈلگەن:[مىسال:] ھاجى تېرەكلىك ھويلىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى تونۇر بېشىغا چىقىپ، قاپاقلىرى تۈرۈكلۈك ھالدا بوم ئاۋاز بىلەن سۆز باشلىدى.

تۈرۈكلۈكⅡ

  • تۈرۈكلۈكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىلىمسىزلىك، ساۋاتسىزلىق:[مىسال:] بوۋام تۈرۈكلۈكىگە باقماي، پەن-تېخنىكىنىڭ گېپى چىقسىلا ئۆزىچە سۆزلەپ كېتەتتى.

تۈرۈلمەك

  • تۈرۈلمەك[يەشمىسى:] ① «تۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ يېنىغا پۇچقاقلىرى تۈرۈلگەن ئەخمەتجان كەلدى ۋە ئالدىراپ سۆزلەشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ② يىغىلىپ، ئۈستى-ئۈستىگە دۆۋىلەنمەك:[مىسال:] شۇ پەيتتە، غەربىي شىمالدىن قارا بۇلۇت تۈرۈلۈپ كېلىشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاچچىقلىنىپ قالماق؛ غەزىپى كەلمەك:[مىسال:] بۇ سۆزنى ئاڭلىغاچ سەئىدىن تۈرۈلدى، ئاران تۇرغان دىلى قاتتىق بۇزۇلدى.

تۈرۈم

  • تۈرۈم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ①تۈرۈلۈپ، يىغىلىپ قاتلاش بولۇپ كەتكەن. [يەشمىسى:] ② يىپ قاتارلىقلارنى يىك، ناچىغا يۆگەپ تۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان: [مىسال:] تۈرۈم چاق.

تۈرۈم-تۈرۈم

  • تۈرۈم-تۈرۈم[يەشمىسى:] بىرقانچە تۈرۈم، نۇرغۇن تۈرۈم:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈزى سېمىزلىكىدىن تۈرۈم-تۈرۈم بولۇپ كەتكەنىدى.

تۈز

  • تۈز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەگرى ئەمەس، رۇس:[مىسال:] تۈز ئۆسكەن دەرەخ كۆككە چىقالايدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېگىز-پەس ئەمەس، تەكشى:[مىسال:] تۈز ئېتىز. تۈز يەر. تۈز مەيدان.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەڭ كەتكەن تەكشى يەر:[مىسال:] ئېگىز-ئېگىز تاغ بېشىدىن سىيرىلدىم تۈزگە، قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسىدەك ئېگىلدىم سىزگە.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئوچۇق-يورۇق؛ باشقىلارغا يامانلىق قىلمايدىغان، ھارامزادىلىكنى بىلمەيدىغان، ئاق كۆڭۈل:[مىسال:] بىز تۈزلا ئۆگىنىپ قالغان ئادەم، تولىمۇ كۆپ ئېزىلەڭگۈ تەكەللۇپنى بىلمەيمىز.

تۈزەتمەك

  • تۈزەتمەك[يەشمىسى:] «تۈزىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تۆمۈر خەلپە دۆمبىسىدىكى مىلتىقنى تۈزىتىپ قويۇپ، گەپ باشلىدى. * ئابدۇكېرىم ئاكام خەتنى يېزىپ بولۇپ بەزى جۈملىلەرنى يېڭىۋاشتىن تۈزىتىپ، كونۋېرتقا سالدى.

تۈزەشتۈرمەك

  • تۈزەشتۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىچىدىكى، ئۈستىدىكى قالايمىقان نەرسىلەرنى، تەكشى، تەرتىپلىك ھالەتكە كەلتۈرمەك، رەتلىمەك:[مىسال:] قادىر بىلەن ئاسىمگۈل پايپېتەك بولۇپ، داستىخاننى باشقىدىن تۈزەشتۈردى.[يەشمىسى:] ② بۇزۇلغان، قالايمىقان نەرسىنى ياخشى ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] ئۇلار نەچچە ئونلىغان سېيالكا، ساپان، ھارۋا قاتارلىقلارنى تۈزەشتۈرۈپ، تەخلەپ قويدى.[يەشمىسى:] ③ پۈرلەشكەن، تۈرتۈلگەن نەرسىلەرنى سىلىق، تەكشى ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] ھىمىت ساپانىڭ يۆلەنچۈكىدىكى تورنى تۈزەشتۈرۈپ قويدى.[يەشمىسى:] ④ كىيىم-كېچەك ۋە ئۈستۋېشىنى رەتلىك قىلىپ، تۇرقىنى ئوڭلىماق، ياسانماق:[مىسال:] ئۇ سەللىسىنى تۈزەشتۈرگەچ دەرۋازا تەرەپكە ماڭدى.

تۈزەشتۈرۈشمەك

  • تۈزەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «تۈزەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۈزەشتۈرۈلمەك

  • تۈزەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «تۈزەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] سەھنە تۈزەشتۈرۈلدى.

تۈزەشمەك

  • تۈزەشمەك[يەشمىسى:] «تۈزىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يولداش قاسىم بىزگە ياردەملىشىپ، سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان پىلاننى تۈزىشىپ بەرسۇن.

تۈزەلمەك

  • تۈزەلمەك[يەشمىسى:] ① «تۈزىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھازىر ئىشلار ئوڭلىنىپ، رەتكە چۈشۈپ، يۇرتىمىز تۈزەلدى.[يەشمىسى:] ② كېسەل، ئاغرىقتىن قۇتۇلماق، ساقايماق:[مىسال:] − ھېلىقى زۇكام دوراڭدىن بەرگىنە، قىزىم، − دېدى مايسىخان ئاچا بېشىنى ياستۇققا قويۇۋېتىپ، − بىر تال ئىچسەملا تۈزىلىپ كېتىمەن.[يەشمىسى:] ③ يامان، ناتوغرا، جىنايى يولدىن قايتماق، ياخشىلانماق:[مىسال:] بالىنىڭ ئۇ خىل يامان ئادەتلىرى جىق تۈزەلدى.

تۈزدۈرمەك

  • تۈزدۈرمەك[يەشمىسى:] «تۈزمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] جۈملە تۈزدۈرمەك. * پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى تۈزدۈرۈش لازىم.

تۈزگۈچى

  • تۈزگۈچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈزىيدىغان:[مىسال:] تۈزگۈچى گېن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈزىدىغان ئادەم:[مىسال:] سۇلايمان يېنىچە بولۇپ غانجۇغىسىدىكى خۇرجۇننىڭ ئىزمىلىرىنى يېشىپ، توختام تۈزگۈچىلەرگە ئېلىۋالغان ياغلىق توقاچلىرىنى ئالدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] ماتېرىيال، مەلۇماتلارنى رەتلەپ، يىغىپ، ئەسەر قىلىپ شەكىللەندۈرگۈچى:[مىسال:] بۇ لۇغەتنى تۈزگۈچىلەر كىملەر ئىكەن

تۈزلەتمەك

  • تۈزلەتمەك[يەشمىسى:] «تۈزلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھەربىر گۇرۇپپا ئۆزلىرىگە بۆلۈنگەن يوللارنى تۈزلەتتى.

تۈزلەشمەك

  • تۈزلەشمەك[يەشمىسى:] «تۈزلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلار قوللىرىغا كەتمەن ئېلىپ، مەيداننىڭ ئەتراپىنى تۈزلەشتى.

تۈزلەڭ

  • تۈزلەڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېگىز-پەس يېرى بولمىغان؛ كەڭ ۋە تۈز كەتكەن:[مىسال:] تۈزلەڭ رايون. تۈزلەڭ يەر. ∥ تۈزلەڭدە ئېلىشماق.

تۈزلەڭلىك

  • تۈزلەڭلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئېگىز-پەس ئەمەس، تۈز كەتكەن بىپايان كەڭ جاي:[مىسال:] داۋاندىن پەسلەپ، ئوقتەك تېز ماڭغان ھارۋا بىرھازادىن كېيىن كەڭ تۈزلەڭلىككە چىقتى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن كەڭ تەكشىلىك:[مىسال:] ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك.

تۈزلەنمەك

  • تۈزلەنمەك[يەشمىسى:] «تۈزلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مۇشۇنداق جان تىكىپ ئىشلىسەك، بىرەر ئايغا قالماي نەچچە ئون مىڭ كېسەك قۇيۇۋالىمىز، كۆكتات يېرىمىزمۇ تۈزلىنىپ كېتىدۇ.

تۈزلۈك

  • تۈزلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۈز ھالەت:[مىسال:] ئۇنىڭ چوغدەك يېنىپ تۇرغان مۇلايىم كۆزلىرىدىن ھامان تۈزلۈكى، سەمىمىيلىكى، زېرەكلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② تۈز يەر:[مىسال:] تاغ جىلغىلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، يول سەل تۈزلۈككە چىقتى.

تۈزلىمەك

  • تۈزلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئېگىز-پەس، ئەگرى-بۈگرىسىنى يوقىتىپ تۈز، رۇس ھالەتكە كەلتۈرمەك، تۈز قىلماق:[مىسال:] قىرنى تۈزلىمەك. يولنى تۈزلىمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يىقىتماق، چۇۋۇماق:[مىسال:] − يەنە ئون باراۋەر كۆپەيتىپ ئالتۇن كۈمۈش بېرىسەن، بولمىسا ئوردىنى تۈزلىۋېتىمىز![يەشمىسى:] ③ پۈرلەشكەن، تۈرۈلگەن جايلىرىنى تەكشى، سىلىق ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] ئۇ ئىزاھنامە يېزىلغان قەغەزلەرنى بىر چەتكە ئېلىپ قويۇپ، چېرتيوژنىڭ يۆگىكىنى يېيىپ تۈزلىدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يامان ئوي-خىيال، ئەيىبلەردىن خالىي قىلماق؛ ياخشىلىماق:[مىسال:] ئەڭ ياخشىسى، قولۇڭدىكى شاخنى قويۇپ بېرىپ، ئۆيۈڭگە كەت، ئۆزۈڭنى تۈزلە ۋە بالاڭنىمۇ ئاسرىغىن، دېدى بوۋاي گېپىمنى تارتىۋېلىپ.

تۈزمە

  • تۈزمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈزۈش ئارقىلىق شەكىللەنگەن، تۈزۈلگەن:[مىسال:] تۈزمە قانۇن.

تۈزمەك

  • تۈزمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ۋۇجۇدقا چىقارماق، ياراتماق، بەرپا قىلماق؛ تۇرغۇزماق، بەلگىلىمەك:[مىسال:] ئەھدىنامە تۈزمەك. لايىھە تۈزمەك. پىلان تۈزمەك. كېلىشىم تۈزمەك.[يەشمىسى:] ② مەلۇم شەكىلگە كەلتۈرمەك، ياسىماق:[مىسال:] ھاتەم خۇداغا مىڭ شۈكۈرلەر ئېيتىپ، ھېلىقى گىياھتىن گۈلدەستە تۈزۈپ، ئارقىسىغا ياندى.[يەشمىسى:] ③ مەلۇم ئۇسلۇب، شەكىلگە كەلتۈرۈپ يېزىپ چىقماق:[مىسال:] جۈملە تۈزمەك. لۇغەت تۈزمەك.[يەشمىسى:] ④ چالغۇ ئەسۋابلىرىنى مەلۇم پەدە، ئاھاڭغا توغرىلاپ تەڭشىمەك:[مىسال:] دۇتارنى تۈزمەك.[يەشمىسى:] ⑤ تەشكىللىمەك، ئۇيۇشتۇرماق:[مىسال:] ئۇ، ئەتراپىغا بىر قىسىم ئېغىز پالۋانلىرىنى توپلاپ، ھاكىم مەسۇمئاخۇن ۋە مۇئاۋىن ھاكىم ھاشىمئاخۇنغا قارشى «ئىتتىپاق» تۈزدى.

تۈزۈت

  • تۈزۈت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئارتۇقچە تارتىنچاقلىق، تەكەللۇپ بىلەن قىلغان مۇئامىلە:[مىسال:] تۈزۈت قىلماق.

تۈزۈتلۈك

  • تۈزۈتلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈزۈت قىلىدىغان، تۈزۈت بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئادەتلەنگەن:[مىسال:] تۈزۈتلۈك ئادەم.

تۈزۈك

  • تۈزۈك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇزۇلغان يېرى يوق، ساق:[مىسال:] ئۇ تۈزۈك ماشىنىنى بۇزۇق دەپ يېرىم كۈن كوچىلىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياراملىق، ياخشى:[مىسال:] كېيىن تۆمۈر شۇ ئايالغا ئۆيلەنسەم دەپ تۇرۇۋالدى. قارىسام ئۇمۇ تۈزۈكلا بىر ئايال.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇۋاپىق، لايىقىدا:[مىسال:] ھوي، تۈزۈك گەپ قىلىڭ، موزدۇز ھاكىمنىڭ ئايىغىنى تاشلاپ بەردى-دە، سۆزگە ئارىلىشىپ چاقچاق قىلدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قاملاشتۇرۇپ، دەل، جايىدا:[مىسال:] بۇ نېمە قىلغىنىڭ ئۆزۈڭ تۈزۈك ئاتمايسەن، ئەمدى مېنىمۇ ئاتقىلى قويمايسەن دېدى تۆمۈر خەلپە ئاچچىقى بىلەن.

تۈزۈلمە

  • تۈزۈلمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تەركىبىي قىسىملارنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان بىر پۈتۈنلۈك:[مىسال:] ئۇنىڭ تۈزۈلمىسى بەكمۇ مۇرەككەپ بولغاچقا، ئۇنىڭدىن ناھايىتى ئوڭايلا «چاتاق» چىقىپ، ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.[يەشمىسى:] ② دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىقلارنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى:[مىسال:] مائارىپ تۈزۈلمىسى.

تۈزۈلمەك

  • تۈزۈلمەك[يەشمىسى:] «تۈزمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مەشرەپ ئوينايدىغانلار كۆپ بولغاچقا، بىرنەچچە ئۆيدە سورۇن تۈزۈلدى.

تۈزۈلمىلىك

  • تۈزۈلمىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈزۈلمىسى بار، تۈزۈلمىگە ئىگە:[مىسال:] ھەر خىل تۈزۈلمىلىك چېرتيوژلار.

تۈزۈم

  • تۈزۈم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىشىلەر ئورتاق رىئايە قىلىش تەلەپ قىلىنغان ئىش باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش نىزامى:[مىسال:] توك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، بۇنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك.[يەشمىسى:] ② جەمئىيەت ۋە دۆلەت تۈزۈلۈشىنىڭ سىستېمىسى:[مىسال:] قۇلدارلىق تۈزۈمى.

تۈزۈمسىز

  • تۈزۈمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈزۈم ئورنىتىلمىغان، تۈزۈم بىكار قىلىنغان، تۈزۈمنى كېرەك قىلمايدىغان:[مىسال:] ئۇلار خېلى ئۇزۇن ۋاقىتنى باشباشتاق، تۈزۈمسىز، قالايمىغان ئۆتكۈزدى.

تۈزۈمسىزلىك

  • تۈزۈمسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈزۈم يوقلۇق ياكى تۈزۈمنى كېرەك قىلماسلىق:[مىسال:] زاۋۇتتىكى قالايمىغانچىلىق ۋە تۈزۈمسىزلىك سەل-پەل تۈزىلىشكە باشلىدى.

تۈزۈملەشتۈرمەك

  • تۈزۈملەشتۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «تۈزۈملەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تۈزۈملەشتۈرۈشمەك

  • تۈزۈملەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «تۈزۈملەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۈزۈملەشتۈرۈلمەك

  • تۈزۈملەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «تۈزۈملەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تۈزۈملەشمەك

  • تۈزۈملەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۈزۈم بولۇپ شەكىللەنمەك، تۈزۈمگە ئايلانماق:[مىسال:] ئىدارىمىزدا تازىلىق ئىشلىرى تۈزۈملەشتى.

تۈزۈملۈك

  • تۈزۈملۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈزۈمى بار، تۈزۈم ئورنىتىلغان:[مىسال:] سەمەت نۇرغۇن تەدبىر ۋە چارىلەر ئارقىلىق كارخانىنى پىلانلىق، تۈزۈملۈك، رەتلىك باشقۇردى.

تۈزىمەك

  • تۈزىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كىيىم-كېچەك ۋە ئۈستۋېشىنى رەتلىك قىلىپ تۇرقىنى ئوڭلىماق، ياسانماق:[مىسال:] ياقىسىنى تۈزىمەك. كۆڭلىكىنى تۈزىمەك.[يەشمىسى:] ② بۇزۇلغان، ئىشتىن چىققان نەرسىلەرنى رېمونت قىلماق، پايدىلىق ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] كەتمەن-گۈرجەك، سوقا-سايمانلارنى بىزنىڭ تۆمۈرچىلىرىمىزمۇ ئۆزى ياساپ، ئۆزى تۈزەلەيدۇ.[يەشمىسى:] ③ تۈز، تىك، رۇس ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] ياغاچنى رەندە تۈزەيدۇ، ئادەمنى تەربىيە تۈزەيدۇ (ماقال). * ئۇ قەددىنى تۈزەپ، يەنە دەريانىڭ نېرىقى قىرغىقىنى كۆزلىرى بىلەن ئاختۇرۇشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ④ تەرتىپلىك، نورمال، ياخشى ھالەتكە كەلتۈرمەك؛ ياخشىلىماق:[مىسال:] جاھاننى بىراۋ تۈزەپ بەرمەيدۇ، ئۇنى تۈزەيدىغان سېنىڭ بىلەن بىز.[يەشمىسى:] ⑤ ئەيىب، نۇقسان ۋە يامان ئادەتلەرنى يوقىتىپ، ياخشى ھالەت، ياخشى ئادەتنى شەكىللەندۈرمەك:[مىسال:] قايسى گۇرۇپپا تېخنىك ئۆلچىمىنى بۇزسا، خاتاسىنى ئۆزى تۈزىشى كېرەك.[يەشمىسى:] ⑥ كىرگۈزمەك، ياخشىلىماق (تەم ھەققىدە):[مىسال:] باغدا ئۆرۈكلەر مەي بولۇپ پىشىپ، تەكلەردە ساڭگىلاپ كەتكەن سانجاق-سانجاق ئۈزۈملەر تەم تۈزەۋاتقان ياز پەسلى ئىدى.

تۈس

  • تۈس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① رەڭ بوياقلارنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئايرىم تۈرى؛ رەڭ:[مىسال:] ئۇ قولىنى بېشىغا تىرەپ كۆپكۈك تۈس ئالغان دېرىزىگە، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا ئۇزاق قاراپ ئولتۇردى.[يەشمىسى:] ② تاشقى كۆرۈنۈش، قىياپەت، تەقى-تۇرقى:[مىسال:] سۈرلۈك بىر تۈستە خىيال قىلىپ تۇرغان نىزامىدىن كەينىگە بۇرۇلۇپ، مۇشتۇملىرىنى تۈگۈپ تۇرغان ئەنۋەرگە قارىدى.[يەشمىسى:] ③ خاراكتېر:[مىسال:] يىغىننىڭ تۈسى ئۆزگىرىپ، پىپەنگە ئايلىنىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] پېئىلدا ئىپادىلىنىدىغان گرامماتىكىلىق كاتېگورىيىلەرنىڭ بىرى. بىرقەدەر كۆپرەك ئۇچرايدىغان تۈسلەردىن ئىزچىل تۈس، ئىمكان تۈس، چەكلىمىسىز تۈس، سىناق تۈس، تەمشەلمە تۈس قاتارلىقلار بار.

تۈسلەندۈرمەك

  • تۈسلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «تۈسلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىز پېئىللارنى تۈسلەندۈرۈشنى مەشىق قىلدۇق.

تۈسلەنمەك

  • تۈسلەنمەك[يەشمىسى:] تۈسكە ئىگە بولماق، تۈسلۈك ئۈزەك شەكلىگە كەلمەك، مەسىلەن: «يازالايدۇ، يېزىۋېرىدۇ، يېزىپ قويىدۇ، يېزىپ بېرىدۇ» دېگەنلىرىمىز «يازماق» پېئىلىنىڭ تۈسلىنىشى.

تۈسلۈك

  • تۈسلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈسكە ئىگە بولغان، تۈس ئىپادىلەنگەن:[مىسال:] تۈسلۈك ئۆزەك.

تۈف

  • تۈف[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] تۈكۈرگەندە ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] تۈف دېمەك. * ئۇ «تۈف» دەپ قاشقىر بايغا قاتتىق تۈكۈردى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] يىرگىنىش، نەپرەتلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] يۈزۈڭگە تۈف سېنىڭ ئەي چەرخ مەككار، ئېچىنماي كەتتىڭ ئاشىقلارغا زىنھار.

تۈفى

  • تۈفى[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] يىرگىنىش، نەپرەتلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] تۈفى ئىتنىڭ ئاغزىدىن ئاشقان خام پاتاڭ دېدى ئەبىلغازى ئۇنىڭغا ھومىيىپ.

تۈك

  • تۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بەدەندە ئۆسكەن چاچ ياكى موي، يۇڭ:[مىسال:] چۈجە باسقان توخۇنىڭ مەيدىسىدە تۈكى يوق (ماقال).[يەشمىسى:] ② بەزى نەرسىلەرنىڭ ئۈستىنى قاپلىۋالغان ئۇششاق-ئۇششاق قىل ۋە توزغاقسىمان قەۋەت:[مىسال:] شاپتۇلنىڭ تۈكى.

تۈكچە

  • تۈكچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «چەككۈچ»كە قاراڭ:[مىسال:] ئۇنىڭ تىكەن، شوخا كىرىپ، شور پېتىپ كەتكەن تاپانلىرى بەئەينى تۈكچە سالغاندەك تۆشۈك ئىدى.

تۈكسىز

  • تۈكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەدىنىدە، ئۈستىدە تۈكى يوق:[مىسال:] ئۇنىڭ تۈكسىز پېشانىلىرى پارقىراپ تۇراتتى.

تۈكلۈك

  • تۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەدىنىدە تۈكى بار، تۈكى ئۇزۇن ئۆسكەن، ئۈستى تۈك بىلەن قاپلانغان:[مىسال:] بۇ يىل بىزنىڭ باغدىكى بىر تۈپ تۈكلۈك ئۆرۈك ئاجايىپ بولۇۋەتتى.

تۈكۈچ

  • تۈكۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چەككۈچ.

تۈكۈرتمەك

  • تۈكۈرتمەك[يەشمىسى:] «تۈكۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تۈكۈرمەك

  • تۈكۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاغزىدىن تۈكۈرۈك، شۆلگەي، بەلغەم قاتارلىقلارنى سىرتقا چىقىرىۋەتمەك:[مىسال:] كۆپ تۈكۈرسە، كۆل تولۇر (ماقال).

تۈكۈرۈشمەك

  • تۈكۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «تۈكۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تۈفى... تۈفى... كەتتى باشلىنىپ، تۈكۈرۈشتى بۇندا بارچىسى. بىر پەستىلا ھارۇن گوياكى، بولۇپ قالدى تۈكۈرۈك قاچىسى.

تۈكۈرۈك

  • تۈكۈرۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېغىز بوشلۇقىدىكى شۆلگەي بەزلىرى ئىشلەپچىقارغان، تاماق ھەزىم قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سۇيۇقلۇق:[مىسال:] ئۇ گويا جېنى گېلىغا قاپلىشىپ قالغاندەك، تاتارغىنىچە تۈكۈرۈكىنى يۇتۇشقا باشلىدى.

تۈكۈرۈكدان

  • تۈكۈرۈكدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈكۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ئاغزى يالپاق، قورسىقى چوڭ، يۇمىلاق قاچا. ئۇ كۆپىنچە تۈنىكە ياكى سۇلياۋدىن ياسىلىدۇ.

تۈكۈرۈلمەك

  • تۈكۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «تۈكۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تۈكۈرۈلگەن تۈكۈرۈكلەر ئۇنىڭ يۈزىدىن سارقىپ ئېقىشقا باشلىدى.

تۈكۋاش

  • تۈكۋاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۈك+باش[[يەشمىسى:] چاچلىرى ئۆسۈپ كەتكەن، پاخپايتىپ چاچ قويغان كىشى:[مىسال:] لېكىن بۇ تۈكۋاش كۆڭلۈمگە ئازار بېرىپ، شۇنچە ئىزا-ئاھانەت قىلدى.

تۈگە

  • تۈگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاقلانغان تېرىق، سۆك.

تۈگەتكۈسىز

  • تۈگەتكۈسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈگىتىپ بولمايدىغان، تۈگىمەيدىغان:[مىسال:] ساناپ تۈگەتكۈسىز. سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز.

تۈگەتمەك

  • تۈگەتمەك[يەشمىسى:] «تۈگىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ياغلىق دان تېرىيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئىشلىرىنى تۈگەتتى.

تۈگەشتۈرمەك

  • تۈگەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «تۈگەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەكبەر دېگىنىنى بىز تۈگەشتۈرىمىز.

تۈگەشتۈرۈشمەك

  • تۈگەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «تۈگەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۈگەشتۈرۈلمەك

  • تۈگەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «تۈگەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ جېدەلنىڭ تۈگەشتۈرۈلگىنىگە بىر يىل بولاي دېدى.

تۈگەشمەك

  • تۈگەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىماق، قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلمەك:[مىسال:] ھازىر بۇنى ئېچىپ يۈرسەك، ناۋادا تۇيۇقسىز بىراۋ كۆرۈپ قالسا تۈگىشىمىز.[يەشمىسى:] ② ھالاك بولماق، يوقالماق، ئۆلمەك:[مىسال:] خالىدەم، سىز بولمىغان بولسىڭىز، مېنىڭ ھاياتىم تۈگەشكەن بولاتتى.[يەشمىسى:] ③ ھالىدىن كەتمەك، ئاجىزلاشماق:[مىسال:] ئايىمنىسا ئاچام كامىلنىڭ دەردىدە بارغانسېرى تۈگىشىپ كېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ④ ھېساب-كىتاب، مۇئامىلە، مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك؛ ئادا-جۇدا بولماق:[مىسال:] ئۇلار ئاخىر خېتىنى ئېلىپ تۈگەشتى.

تۈگەل

  • تۈگەل[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولۇق، يېتەرلىك:[مىسال:] بوۋاي ئۆز ئىگىلىكىدە ھەممە نەرسە تۈگەل بولسىمۇ، پەقەت بىرلا نەرسىنىڭ كەم ئىكەنلىكىنى دائىم ھېس قىلاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پۈتۈنلەي، تامامەن، ھەممە:[مىسال:] ئۇنىڭ چاچلىرى تۈگەل ئاقارغان بولۇپ، قارىماققا 60 ياشلاردىكى كىشىدەك كۆرۈنەتتى.

تۈگەللەتمەك

  • تۈگەللەتمەك[يەشمىسى:] «تۈگەللىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تۈگەللەشمەك

  • تۈگەللەشمەك[يەشمىسى:] «تۈگەللىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۈگەللەنمەك

  • تۈگەللەنمەك[يەشمىسى:] «تۈگەللىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى ئەخلاق پەزىلىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئاخىرى ھەرىكەتكە ئادەتلىنىش بىلەن تۈگەللىنىدۇ.

تۈگەللىمەك

  • تۈگەللىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاخىرىغا يەتكۈزمەك، تولۇقلىماق، پۈتكۈزمەك، تاماملىماق:[مىسال:] كەم-كۈتەڭنى تۈگەللەپ، كەلگۈسىڭگە يول ئاچتى، باھارنىڭ شامىلىمۇ ساڭا ئەتىر بۇي چاچتى.

تۈگەنچە

  • تۈگەنچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈگەيدىغان، ئاخىرلىشىدىغان جاي، ئاخىرى:[مىسال:] شەرقىي ئازاد كوچىسىنىڭ تۈگەنچىسىدە، بىر ئايال سالماق قەدەم تاشلاپ، يالغۇز قەبرە تەرەپكە كېتىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈگەيدىغان، ئاخىرلىشىدىغان، ئاخىرقى:[مىسال:] تۈگەنچە ئېتىز.

تۈگدۈرمەك

  • تۈگدۈرمەك[يەشمىسى:] «تۈگمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مانتا تۈگدۈرمەك.

تۈگدۈرۈشمەك

  • تۈگدۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «تۈگدۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۈگدۈرۈلمەك

  • تۈگدۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «تۈگدۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تۈگرىك

  • تۈگرىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇل بىرلىكى.

تۈگكەن-پۈككەن

  • تۈگكەن-پۈككەن[يەشمىسى:] ھەممە، بارلىق، جىمى.

تۈگمە

  • تۈگمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىيىمنىڭ ياقا، پەش ۋە يانچۇقلىرىنى ئېتىش ئۈچۈن قادىلىدىغان، كۆپىنچە يۇمىلاق كېلىدىغان نەرسە؛ توپچە:[مىسال:] سەدەپ تۈگمە. قارا تۈگمە.[يەشمىسى:] ② ئەمچەكنىڭ توپچىسى:[مىسال:] ئەگەر كالىنىڭ ئەمچىكى ياكى تۈگمىسىدە زەخىم بولسا، ساغماسلىق لازىم.[يەشمىسى:] ③ تۈگمىدەك گۈل غۇنچىسى؛ تۈگۈم:[مىسال:] باغدا بىر گۈل بار ئىدى، ئالتۇن باھالىق گۈل ئىدى. تۈگمىسى ئېچىلمىغان، يارىمغا لايىق گۈل ئىدى.[يەشمىسى:] ④ پىئانىنو، گارمون، خەت بېسىش ماشىنىسى قاتارلىقلارنىڭ بارماق بىلەن باسىدىغان يۇمىلاق كۇنۇپكىسى:[مىسال:] بارماقلىرى پىئانىنو تۈگمىلىرى ئۈستىدە ئويناشقا باشلىدى.

تۈگمەك

  • تۈگمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئوراپ، چىگىپ تۈگۈنچە شەكلىگە كەلتۈرمەك:[مىسال:] كېيىن پەتنۇسنىڭ ئورنىغا قول ياغلىقنى ئۆرۈمە شەكلىدە تۈگۈپ، پوتا سېلىش باشلاندى.[يەشمىسى:] ② پوتا ياكى رەخت بىلەن بەلگە ياكى مەلۇم بىر جايغا تاڭماق، باغلىماق:[مىسال:] ئۆيگە كېلىپ، ئانام بەرگەن مۇشۇ ناننى ۋە ئىككى تەڭگىنى ئېلىپ، بېلىمگە تۈگدۈم-دە، ئالدىراپ يولغا چىقتىم.[يەشمىسى:] ③ چەتلىرىنى قاتلاپ، پۈرۈپ قىيمىنى ئىچىگە ئالماق:[مىسال:] مانتا تۈگمەك. چۆچۈرە تۈگمەك. سامسا تۈگمەك.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قارارلاشتۇرماق، بېكىتمەك:[مىسال:] مەجلىس قاتناشچىلىرى ئەتىدىن باشلاپ ئىشچىلىققا كىملەرنىڭ بالىلىرىنى ئالىمىز دېگەن مەسلىھەتلەرنى بىر جايغا تۈگدى.[يەشمىسى:] ⑤ يىغماق، پۈرۈشتۈرمەك:[مىسال:] ئالماس قوشۇمىسىنى چىڭ تۈگكەن ھالدا جۈرئەت بىلەن ئېيتتى.

تۈگمەن

  • تۈگمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاشلىقتىن ئۇن تارتىش قۇرۇلمىسى، ئىككى دانە يۇمىلاق، يېسسى تاشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاستىنقى تېشى ھەرىكەتلەنمەيدۇ، ئۈستۈنكىسى سۇ كۈچى بىلەن ياكى شامال كۈچى ۋە توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ. سۇ كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغى سۇ تۈگمىنى؛ شامال كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغىنى شامال تۈگمىنى؛ توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغىنى توك تۈگمىنى دەپ ئاتىلىدۇ.

تۈگمەننىڭ كويلىسىدىن تىرىك چىقىدىغان

  • تۈگمەننىڭ كويلىسىدىن تىرىك چىقىدىغان[يەشمىسى:] ھەرقانداق خەتەرلىك چاغلاردىمۇ ئۆزىنى يوقاتمايدىغان، ئىنتايىن بەرداشلىق:[مىسال:] سەمەت ئىنتايىن قاۋۇل ئادەم بوپتۇ. تۈگمەننىڭ كويلىسىدىنمۇ تىرىك چىققۇدەك.

تۈگمىنىگە سۇ قۇيماق

  • تۈگمىنىگە سۇ قۇيماق[يەشمىسى:] ئۆز ئىشى، ھەرىكىتى، گېپى بىلەن باشقىلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئۇلغايتماق، قوزغىماق:[مىسال:] بىراق، ئەتىسى تەشمە ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقە قاسىمنىڭ تەۋرەپ تۇرغان پىكىر تۈگمىنىگە سۇ قۇيغاندەك بولدى.

تۈگمەن-تېسەك

  • تۈگمەن-تېسەك[يەشمىسى:] تۈگمەن ۋە تۈگمەنگە بېرىپ ئۇن تارتىش قاتارلىق ئىشلار:[مىسال:] تۈگمەن-تېسەكلەرنى بىز ئۆز ئۈستىمىزگە ئالىمىز.

تۈگمەنچى

  • تۈگمەنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈگمەنگە قارىغۇچى، تۈگمەن قۇرۇش ۋە رېمونت قىلىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئادەم.

تۈگمەنچىلىك

  • تۈگمەنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈگمەن باشقۇرۇش ئىشى.

تۈگمىگۈل

  • تۈگمىگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۈگمە+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تۈگمىگۈل ئائىلىسىدىكى ئىككى ياكى كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى يۇمىلاق ياكى بۆرەك شەكلىدە كېلىدۇ، گىرۋىكىدە دولقۇنسىمان چىشلىرى بولىدۇ؛ گۈلى سۆسۈن قىزىل بولۇپ، يازدا ئېچىلىدۇ، ئادەتتە، مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.

تۈگمىلەتمەك

  • تۈگمىلەتمەك[يەشمىسى:] «تۈگمىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دادىسى ئۆزى قاراپ ئولتۇرۇپ، بالىسىنىڭ چاپانلىرىنى تۈگمىلىتىپ، بېلىگە كەمىرىنى باغلاتتى.

تۈگمىلەشمەك

  • تۈگمىلەشمەك[يەشمىسى:] «تۈگمىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۈگمىلەنمەك

  • تۈگمىلەنمەك[يەشمىسى:] «تۈگمىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ قولتۇقىدىن تۈگمىلىنىدىغان كۆك شايى تونىنىڭ ياقىسىنى ئېچىپ ئولتۇراتتى.

تۈگمىلىك

  • تۈگمىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈگمىسى بار، تۈگمە قادالغان:[مىسال:] ئىككى تۈگمىلىك كاستۇم.

تۈگمىلىمەك

  • تۈگمىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۈگمە قادىماق، تۈگمىنى ئەتمەك:[مىسال:] يىگىت ئېتەكلىرى ئوشۇقىغا چۈشۈپ تۇرغان كۆك شايى يەكتىكىنى تۈگمىلىدى.

تۈگۈچ

  • تۈگۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يىپ، رەخت قاتارلىقلارنىڭ تۈگۈلگەن، چىگىلگەن جايى:[مىسال:] ئايدىن ئەپەندى قىزىمغا بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ گالستۇكىنىڭ تۈگۈچىنى ئالىقىنىغا ئالدى.[يەشمىسى:] ② رەخت بىلەن ئوراپ، چىگىپ تۈگۈلگەن نەرسە:[مىسال:] دوختۇر تۆش يانچۇقىدىن قىپقىزىل تاۋارغا ئورالغان كىچىككىنە تۈگۈچنى سۇغۇۋالدى-دە، ھېپىزەمگە ئۇزاتتى.[يەشمىسى:] ③ ۋەقە-ھادىسە ۋە ئوي-پىكىرنىڭ ھەممىگە چېتىلىدىغان، بىرلىككە كېلىنگەن مۇھىم نۇقتىسى:[مىسال:] خۇشاللىقىمىز بىلەن خاپىلىقىمىز بىر تۈگۈچكە كەلمىگەندىكىن، مېنىڭ راست گېپىمنىڭ ئاداۋەت بولۇپ تۇيۇلۇشى تۇرغانلا گەپ[يەشمىسى:] ④ [يەشمىسى:] كۆڭۈلدە ساقلانغان گۇمانلىق، سىرلىق ئەھۋال:[مىسال:] ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان كونا-يېڭى دوستلىرىنىڭ چىرايلىق گەپ، ماختاشلىرىمۇ بۇ دېھقاننىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈچنى تېخىچىلا يېشەلمىگەنمىدۇر-ھە ∥ سالچى يول بويى پاراڭ قىلماي كېلىۋاتقان ھەمراھلىرىنىڭ بۇ پاراڭلىرىدىن، باياتىن بېرىقى تۈگۈچ خىياللىرىنىڭ يىپ ئۇچى چىقىۋاتقاندەك ھېس قىلدى.

تۈگۈرⅠ

  • تۈگۈرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈگۈلۈپ، كۆپۈكلىشىپ، غۇژمەكلەشكەن.

تۈگۈرⅡ

  • تۈگۈرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىخ.

تۈگۈرەك

  • تۈگۈرەك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئايلانما، دائىرە شەكلىدىكى، يۇمىلاق:[مىسال:] ئۇلار كىشىلەر بوشىتىپ بەرگەن يول بىلەن ئويناپ، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈگۈرەك دائىرە ئىچىدە ئۇسسۇل ئويانۋاتقانلار توپىغا قوشۇلۇپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇيۇشما، توپ:[مىسال:] يولداش مامۇت شۇ ۋاقىتتىكى ئىنقىلابىي تۈگۈرەكنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى.

تۈگۈر-تۈگۈر

  • تۈگۈر-تۈگۈر[يەشمىسى:] غۇژمەك-غۇژمەك، گادا-گادا:[مىسال:] كەچكى شەپەقنىڭ نۇرى تۈگۈر-تۈگۈر بۇلۇتلار ئارقىلىق ساي ئىچىدە ئەكس ئېتەتتى.

تۈگۈرچەك

  • تۈگۈرچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر يەرگە يىغىلىپ، قېتىپ قالغان قېتىشما:[مىسال:] نەملەشكەن تاغارنىڭ تېگىدىكى ئۇنلار تۈگۈرچەك بولۇپ قالغانىدى.

تۈگۈرلەشتۈرمەك

  • تۈگۈرلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «تۈگۈرلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كەچ كۈزدە بېرىلگەن ئوغۇت ياخشى چىرىپ، تۇپراققا ئارىلىشىپ، تۇپراقنى تۈگۈرلەشتۈرۈش بىلەن مېۋىلىك دەرەخلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

تۈگۈرلەشمەك

  • تۈگۈرلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۈگۈر-تۈگۈر ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] بۆدۈنە مانتىنى كىچىك تۇمشۇقى بىلەن چوقۇلاپ، ئۇششاق توغرالغان كاۋا بىلەن تۈگۈرلىشىپ قالغان جىگىردەكلەرنى يەپ قورسىقىنى تويغۇزۇپتۇ.

تۈگۈك

  • تۈگۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈگۈلگەن، تۈگۈپ قويۇلغان، تۈگۈكلۈك:[مىسال:] تۈگۈك مۇشت. تۈگۈك يىپ. تۈگۈك چاچ.

تۈگۈكلۈك

  • تۈگۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈگۈلگەن، تۈگۈپ قويۇلغان:[مىسال:] غوپۇر بېلىدىكى تۈگۈكلۈك ناننى بەلۋېغى بىلەنلا يېشىپ، ئايالىنىڭ يېنىغا قويدى.

تۈگۈل

  • تۈگۈل[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] «...لا ئەمەس، بەلكى...»، «... ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا...» دېگەن مەنىدە ئالدىدىكى ئۇقۇمنى ئىنكار قىلىشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۆگۈنمۇ ۋە ئۇنىڭ كەينىدىن يەنە بىر كۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى، ھېكىمئاخۇننىڭ ئۆزى تۈگۈل، قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى.

تۈگۈلمەك

  • تۈگۈلمەك[يەشمىسى:] ① «تۈگمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەسئەتنىڭ مۇشتۇملىرى تۈگۈلدى.[يەشمىسى:] ② «تۈگمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنى كاتەككە تاشلىغاندىن كېيىن، پۇرژىنىدەك سوزۇلۇپ تۈگۈلدى.

تۈگۈلۈشمەك

  • تۈگۈلۈشمەك[يەشمىسى:] «تۈگۈلمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] باياتىن بېرى ساردىن قاچقان چۈجىدەك، تۈگۈلۈشۈپ ئولتۇرغان بالىلار بىر-بىرىگە قاراشتى.

تۈگۈم

  • تۈگۈم[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ بىر قېتىم تۈگۈشكە بولىدىغان ياكى بىر قېتىم تۈگۈلگەن قىسمى:[مىسال:] بالىنىڭ مۇشتىنىڭ تۈگۈمى ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ تۈگۈشكە بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئېسىل زەر ھالقىسى چاقنار، كىچىك بوغجۇما بېشىدا. چىرايلىق بىر تۈگۈم غۇنچە، قىسىپتۇ چېكە-بېشىغا.

تۈگۈن

  • تۈگۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئارغامچا، يىپ، لېنتا، تاسما قاتارلىقلارنىڭ باغلاپ ئۇلانغان ياكى سىرتماق قىلىپ چىگىلگەن يېرى:[مىسال:] بىزنىڭ زاۋۇتتىكى ئايال ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى تۈگۈن تۈگۈشنى مەشىق قىلىۋاتىدۇ.[يەشمىسى:] ② باغلاپ، ئوراپ، بوغچىلاپ چىگىلگەن نەرسە؛ باغ، بوغچا:[مىسال:] ئۇ قىزىل يىپەك يىپ بىلەن باغلانغان بۇ تۈگۈننى يېشىپ، ئىچىدىكى چوڭ ئاق شايى ياغلىقنى ئېچىپ قارىدى.[يەشمىسى:] ③ يىغىش ۋە تۈرۈشتىن ھاسىل بولغان، تومپىيىپ چىققان جاي:[مىسال:] باتۇر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ۋاڭنىڭ قويۇق قاشلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر تۈگۈن پەيدا بولۇپ، سەل تۈرۈلدى.[يەشمىسى:] ④ ئاساسىي يول ۋە لىنىيىلەرنىڭ تۇتاشقان ئېغىزى:[مىسال:] قۇتۇبى ئورمانچىلىق مەيدانى قاتناش تۈگۈنى بولغاچقا، بۇ يەردىن ئاپتوموبىللار كۆپ ئۆتۈپ تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ⑤ ۋەىەرەلەشكەن، يىغىلغان مۇھىم نۇقتىسى:[مىسال:] مەسىلىنىڭ تۈگۈنى. كۈرەشنىڭ تۈگۈنى.[يەشمىسى:] ⑥ [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بەدىئىي ئەسەردىكى ئاساسىي ۋەقەنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى:[مىسال:] تۈگۈن يېشىلسە، ئەسەردىكى ئاساسىي تېما پۈتۈنلەي ئېچىلىدۇ.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆڭۈلدە ساقلانغان، يېشىلمىگەن، گۇمانلىق، سىرلىق ئەھۋال، نەرسە:[مىسال:] قانداقتۇر بىر تۈگۈن كۆڭلۈمنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ⑧ بىرلىككە كەلگەن پىكىر:[مىسال:] ئەپچىلەم ئېتىز يوللىرىدا ئاغىنىلىرى بىلەن تېپىشىپ، بىر تۈگۈنگە كېلىشىپ، كۆڭلى ئامان بوپتۇ.

تۈگۈنەك

  • تۈگۈنەك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈگۈلۈپ، قېتىشما ھالەتكە كەلگەن:[مىسال:] تۈگۈنەك غول. تۈگۈنەك يىلتىز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈك يىلتىزىدىكى قېتىشما.

تۈگۈنچە

  • تۈگۈنچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىچىك تۈگۈن، بوغچا:[مىسال:] ئۇ قوينىدىن ياغلىققا چىگىلگەن بىر تۈگۈنچە پۇلنى ئالدى.[يەشمىسى:] ② يىپنىڭ ئۇلانغان جايى، تۈگۈن:[مىسال:] يىپنىڭ تۈگۈنچىسى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆڭۈلدە يېشىلمىگەن گۇمان:[مىسال:] ھەقىقەتەن بۇ پاراكەندىچىلىك ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىدە بىر تۈگۈنچە پەيدا قىلىپ قويغانىدى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلار تېنىنىڭ يۈزىدە ياكى ئىچكى توقۇلمىلىرىدا بولىدىغان دۈگىلەك شەكىللىك كىچىك قاپارتمىلار. ئولتۇرغۇچ سۆڭەك، دوۋسۇن سۆڭىكى، دۆڭ مېڭە، ئېڭەك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىلا تۈگۈنچىلەر بولىدۇ.

تۈگۈنچەك

  • تۈگۈنچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تېڭىپ، ئوراپ چىگىلگەن كىچىككىنە بوغچا، تۈگۈن:[مىسال:] يىگىت ھاياجان ئىلكىدە تىترىگەن قوللىرى بىلەن قىز سۇنغان تۈگۈنچەكنى ئاۋايلاپ ئالدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئايرىش، ھەل قىلىش قىيىن بولغان بىرقانچە تەرەپكە چېتىشلىق مەسىلە:[مىسال:] ئۇزۇندىن بۇيان كاللامدا تۈگۈنچەك بولۇپ كەلگەن قورقۇنچلۇق سىر ئاشكارا بولدى.[يەشمىسى:] ③ يۇمىلاق ياكى ھالقىسىمان تۈگۈلگەن ھالەت ياكى شۇنداق نەرسە:[مىسال:] رەندىنىڭ ئاغزىدىن كىرىپ، دۈمبىسىدىن چىقىۋاتقان قىرىندىلار چىرايلىق تۈگۈنچەك ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپكە چۈشەتتى.[يەشمىسى:] ④ يىپ قاتارلىقلارنىڭ چىگىلىش ياكى پىششىقىپ قېلىشىدىن تۈگۈلگەن جايى:[مىسال:] بۇ گىلەم قولدا توقۇلمىغان بولسا كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭ بىرەر يېرىدىمۇ تۈگۈنچەك يوق ئىكەن.

تۈگۈنچەكلەشمەك

  • تۈگۈنچەكلەشمەك[يەشمىسى:] «تۈگۈنچەكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۈگۈنچەكلەنمەك

  • تۈگۈنچەكلەنمەك[يەشمىسى:] «تۈگۈنچەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ خۇرجۇننىڭ ئىچىدە قىممەت باھالىق كىگىز بىساتلار، تۈگۈنچەكلەنگەن شېرىن ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەر بار.

تۈگۈنچەكلىمەك

  • تۈگۈنچەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۈگۈنچەك شەكلىگە كەلتۈرمەك:[مىسال:] ئۇ ئون كوي پۇلنى كىچىككىنە ياغلىقنىڭ ئۇچىغا تۈگۈنچەكلەپ، يانچۇقىغا تىقتى.

تۈگۈنلۈك

  • تۈگۈنلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇھىم دەپ قارالغان، مەركىزىي، ئاساسىي:[مىسال:] بۇ سۇ ئىنشائاتىنىڭ تۈگۈنلۈك قۇرۇلۇشى.

تۈگۈنمەك

  • تۈگۈنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① رايى يانماق، قايتماق:[مىسال:] ۋاپايىڭ بارمۇ دەپ چەندان يۈگۈردۈم، ۋاپايىڭ يوق ئىكەن، ئەمدى تۈگۈندۈم.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنى بىركىمگە ئاتاپ ئېلىپ قويماق، ساقلىماق:[مىسال:] ئىسسىق تاماقنى داستىخان ئۈستىگە قويغاندىن كېيىن، ئوغلىغا تۈگۈنگەن ئانا ئەزىمەتنى ئىزدەپ، بۇ يەرگە كەلگەنىدى.

تۈگۈنۈشمەك

  • تۈگۈنۈشمەك[يەشمىسى:] «تۈگۈنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۈگىتىلمەك

  • تۈگىتىلمەك[يەشمىسى:] «تۈگەتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئامبارنىڭ سۈيى ھازىردىنلا ئىشلىتىپ تۈگىتىلسە، نەچچە مىڭ مو كۈزگى بۇغداينى نېمە بىلەن تېرىماقچى

تۈگىمەس

  • تۈگىمەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھېچ تۈگىمەيدىغان، ئاخىرلاشمايدىغان، چەكسىز:[مىسال:] يالغانچىنىڭ ئەتىسى تۈگىمەس. * ئۇ جىم بولۇپ قالدى. تۇرقىدىن تۈگىمەس بىر ئوي دېڭىزىغا پېتىپ كېتىۋاتقانلىقى روشەن ئىدى.

تۈگىمەس-پۈتمەس

  • تۈگىمەس-پۈتمەس[يەشمىسى:] ئاخىرى ۋە چېكى يوق، تۈگىتىپ بولغىلى بولمايدىغان، چەكسىز:[مىسال:] بۇ ھۈنەرلەرنىڭ ھەممىسى مەندىكى تۈگىمەس-پۈتمەس بايلىق.

تۈگىمەك

  • تۈگىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئاخىرىغا يەتمەك، تامام بولماق:[مىسال:] تۈننىڭ يېرىمى تۈگەپ، باش توخۇ چىللاۋاتقىنىنى ھېچكىم سەزمەيتتى.[يەشمىسى:] ② ئۆلۈپ كەتمەك، ئۆلمەك:[مىسال:] دادام ئىككى يىل ئاغرىپ يېتىپ، ئاخىرى تۈگەپ كەتتى.[يەشمىسى:] ③ يوقالماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئەمدى ھېلىقى ئىچ پۇشۇقى، نامەلۇم بىراۋنى سېغىنىشلىرى ۋاقتىنچە تۈگىدى.

تۈڭكەلمەك

  • تۈڭكەلمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ياتماق، ئۇخلىماق، جىمىقماق.

تۈڭلۈك

  • تۈڭلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈن نۇرى چۈشۈش ۋە ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆينىڭ تورۇسىدىن ئېچىلغان تۆشۈك.

تۈڭلۈكئاچقۇچ

  • تۈڭلۈكئاچقۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۈڭلۈك+ئاچقۇچ[[يەشمىسى:] تۈڭلۈكنى ئېچىپ ياپىدىغان ئۇزۇن ياغاچ.

تۈڭلۈكياپقۇچ

  • تۈڭلۈكياپقۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۈڭلۈك+ياپقۇچ[[يەشمىسى:] تۈڭلۈكنى يېپىپ-ئاچىدىغان ئۇزۇن ياغاچ.

تۈڭلۈكلۈك

  • تۈڭلۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈڭلۈكى بار، تۈڭلۈكى ئېچىلغان:[مىسال:] تۈڭلۈكلۈك ئۆي.

تۈڭۈلمەك

  • تۈڭۈلمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۈمىد ئۈزمەك.

تۈلەتمەك

  • تۈلەتمەك[يەشمىسى:] «تۈلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تۈلەشمەك

  • تۈلەشمەك[يەشمىسى:] «تۈلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تۈلەك

  • تۈلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇشلارنىڭ تۈك، پەي تاشلاش ۋە ئالماشتۇرۇشى.

تۈلكە

  • تۈلكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تېنى بىرئاز بۆرىگە ئوخشايدۇ، تۇمشۇقى ئۇزۇن، قۇلىقى ئۈچ بۇرجەك، قۇيرۇقى يۇمشاق ۋە ئۇزۇن، تۈكلىرى قىزىل سېرىق بولىدۇ، قۇۋ كېلىدۇ؛ كۆپرەك كېچىسى ھەرىكەت قىلىدۇ، چاشقان ۋە ئۆي قۇشلىرىنى يەيدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھىيلىگەر، مەككار، ئالدامچى كىشى:[مىسال:] ئۇ ئادەم گېپى يۇمشاق بىر قېرى تۈلكە.

تۈلكىلىك

  • تۈلكىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھىيلىگەرلىك، مەككارلىق:[مىسال:] تۈلكىلىك قىلماق.

تۈلكىمايىقى

  • تۈلكىمايىقى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۈلكە+ماياق+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بىر پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر ئائىلىسى. بۇنىڭغا كىرىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپچىلىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەر ئاستىدا يىلتىزسىمان غولى ياكى تۈگۈنەك يىلتىزى بولىدۇ.

تۈلىمەك

  • تۈلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەتىياز ياكى كۈزدە تۈك ياكى پەيلىرىنى تاشلاپ، يېڭى تۈك ۋە پەي چىقارماق (قۇشلار ھەققىدە).

تۈمەن

  • تۈمەن[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] ئون مىڭ:[مىسال:] مەخمۇتجان خۇرۇم زاۋۇتى قۇرۇشقا ئون تۈمەن پۇل تەييارلىغانىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھايىتى كۆپ، نۇرغۇن:[مىسال:] سېنىڭ دەردىڭدە ئاۋارە، يۈرەك-باغرىم تۈمەن پارە.

تۈمەنبېشى

  • تۈمەنبېشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۈمەن+باش+ى[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئونمىڭ چېرىكنىڭ سەركەردىسى، قوماندانى.

تۈمەنلەپ

  • تۈمەنلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] نەچچە-نەچچە تۈمەنگە يەتكەن، ھەربىر بۆلىكى بىر تۈمەن بولغان؛ كۆپ، نۇرغۇن:[مىسال:] بۇ كەڭ ئوتلاقتا تۈمەنلەپ چارۋا بېقىلىدۇ.

تۈمەنمىڭ

  • تۈمەنمىڭ[قۇرۇلمىسى:]]تۈمەن+مىڭ[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] ئون مىليون.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھايىتى كۆپ، چەكسىز:[مىسال:] تۈمەنمىڭ رەھمەت.

تۈمبۈلۈك

  • تۈمبۈلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مومىغا كىيدۈرۈلۈپ، خامانغا قوشۇلغان ئۇلاغنىڭ بوينىدىكى ئاغامچىنى چېتىپ قويىدىغان چەمبەر شەكىللىك بۇيۇم.

تۈن

  • تۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاخشامدىن تاڭ ئاتقۇچە بولغان ۋاقىت، كېچە:[مىسال:] ئاي تۈندە كېرەك، ئەقىل كۈندە كېرەك (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زۇلمەت، جاھالەت؛ قاراڭغۇ:[مىسال:] كۆكتە بۇلۇت، قارا تۇمان غايىب ئىدى كۈن، ئوراپ ئالغان قاراڭغۇلۇق، ۋەتەن ئىدى تۈن.

تۈنەتمەك

  • تۈنەتمەك[يەشمىسى:] «تۈنىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تۈنەشمەك

  • تۈنەشمەك[يەشمىسى:] «تۈنىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تاغقا ساياھەتكە چىققانلار بىر كېچە شۇ يەردە تۈنەشتى.

تۈنەك

  • تۈنەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر جايغا يىغىلىپ، مەلۇم پائالىيەت بىلەن كېچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈش:[مىسال:] تۈنەك ئويناشقا ماڭغان قىزلار دوستلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە يىغىلىشماقتا ئىدى.[يەشمىسى:] ② كېچىسى ئۇخلىماي دۇئا-تەلەپ قىلىش:[مىسال:] مانا بۈگۈن ھازا كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈنەك كېچىسى.[يەشمىسى:] ③ ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجىرىيە 8-ئاينىڭ يەنى بارات ئېيىنىڭ 15-كۈنى كېچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈش ئادىتى:[مىسال:] تۈنەك كېچىسى.[يەشمىسى:] ④ [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قاماقخانا، زىندان:[مىسال:] ئۇ تۈنەكتىن چىققىنىغا بىر يىل ئۆتمەيلا، كونا دوستلار «يوقلاپ» تۇرۇشقا باشلىدى.

تۈنەكخانا

  • تۈنەكخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېچىنى دۇئا-تەلەپ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئايرىم چوڭ ھۇجرا.

تۈنپۇراق

  • تۈنپۇراق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تۈن+پۇراق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] سۈتلۈكئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، يۆگىلىپ ئۆسىدىغان، پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك. دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ جايلىرىدىن چىقىدۇ. ئادەتتە ئۇ مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىشتىن سىرت، گۈلىنى چايغا ئارىلاشتۇرۇپ دەملەپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ؛ يىلتىز ۋە غولى دورا ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭ جىگەرنى تىنچلاندۇرۇش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولى بار.

تۈنلەپ

  • تۈنلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تۈن بويى:[مىسال:] ئاپام ئاكامنىڭ دەردىدە تۈنلەپ يىغلاپ چىقتى.

تۈنۈگۈن

  • تۈنۈگۈن[قۇرۇلمىسى:]]تۈنە+كۈن[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كېچىنىڭ ئالدىدىكى كۈن، ئالدىنقى كۈن:[مىسال:] تۈنۈگۈن كەچتە ئاسىمنىڭ ئوغلى ئەسقەر بىزنىڭ ئۆيگە مېھمانغا كەلگەنىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېقىنقى كۈنلەردە، يېقىندا:[مىسال:] مۇنداق ۋەقەلەر تۈنۈگۈن بۆرتالا، ئالتاي، چۆچەكلەردە بولۇپ ئۆتكەن بولسا، بۈگۈن ئەينى پېتى غۇلجا، سۈيدۈڭ، چىلپەڭزىلەردە يۈز بەرمەكتە.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆتمۈش:[مىسال:] خەلقنىڭ تۈنۈگۈنى بىلەن بۈگۈنىنى بىلىش كېرەك.

تۈنۈگۈنكى

  • تۈنۈگۈنكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تۈنۈگۈن بولۇپ ئۆتكەن، يۈز بەرگەن:[مىسال:] ياچېيكىنىڭ تۈنۈگۈنكى ئۈچ قارارى زىۋىرشانىڭ شېرىن خىياللىرىنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋەتتى.[يەشمىسى:] ② يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى، يېقىندىكى، يېڭى:[مىسال:] ئايتىللا بولسا يېڭىدىن خىزمەتكە كىرگەن تۈنۈگۈنكى ئوقۇتقۇچى ئىدى.[يەشمىسى:] ③ ئۆتمۈشتىكى:[مىسال:] تۈنۈگۈنكى گاداي نەسلى، قۇل دېدەك، بولدۇم بۈگۈن نۇرلۇق كۆكتە قارلىغاچ.

تۈنىكە

  • تۈنىكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نېپىز تاختا تۆمۈر، قەلەي، قاڭالتىر.

تۈنىكىچى

  • تۈنىكىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈنىكىدىن تۈرلۈك ئەسۋاب، سايمان، قاچىلارنى ياسىغۇچى كىشى.

تۈنىكىچىلىك

  • تۈنىكىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈنىكىدىن تۈرلۈك ئەسۋاب، قاچىلارنى ياساش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] سايىم ئاكام ئاشۇ دوقمۇشتا تۈنىكىچىلىك قىلاتتى.

تۈنىمەك

  • تۈنىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر جايدا كېچىنى ئۆتكۈزمەك، قونۇپ قالماق:[مىسال:] ئېھتىمال، ئۇلار ھەدىسىنىڭ يېنىدا تۈنەپ چىقىشقان بولسا كېرەك.[يەشمىسى:] ② مەلۇم پائالىيەت بىلەن كېچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزمەك:[مىسال:] كېچىچە دۇتار چالدۇرىمىز ۋە مۇشۇ ئۆيدە تۈنەيمىز.

تۈۋ

  • تۈۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ توپىغا كۆمۈلۈپ تۇرغان يېرى:[مىسال:] زىرائەتنىڭ كۆكىگە ئىشلىمەي، تۈۋىگە ئىشلە (ماقال). * دېھقانلار قوناق تۈۋىگە ئاق ئوغۇت قۇيۇپ، توپا يۆلەۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم نەرسە ئورۇنلاشقان جاينىڭ ئاستى، يېنى، ئەتراپى:[مىسال:] قۇلاق تۈۋى. ئىشىك تۈۋى.[يەشمىسى:] ③ قاچىنىڭ ئاستى، تېگى، ئۇل قىسمى:[مىسال:] قازانلارنىڭ ئىككىسى تۆشۈك، بىرىنىڭ تۈۋى يوق.

تۈۋرۈك

  • تۈۋرۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىنالارنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، تىك ئورنىتىلغان ياغاچ ياكى بېتوندىن تەييارلىنىدىغان قۇرۇلۇش دېتالى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تايانچ، ئاساس:[مىسال:] خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى پرولېتارىيات دىكتاتورىسىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكى.

تۈۋرۈكسىمان

  • تۈۋرۈكسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈۋرۈككە ئوخشايدىغان، تۈۋرۈك شەكلىدىكى:[مىسال:] تۈۋرۈكسىمان مۇنار.

تۈۋرۈكلۈك

  • تۈۋرۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تۈۋرۈكى بار، تۈۋرۈك ئورنىتىلغان:[مىسال:] پاتەمخاننىڭ قوش تۈۋرۈكلۈك چوڭ ئايۋىنى ئادەمگە لىق تولدى.[يەشمىسى:] ② تۈۋرۈك بولۇشقا لايىق، باب:[مىسال:] مەن ئىككى تۈۋرۈكلۈك ياغاچ كەستىم.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تايانچلىق، ئاساسلىق، غوللۇق:[مىسال:] گارمونىك ئاۋازلار ئەسەردە تۈۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ.

تۈۋلەتمەك

  • تۈۋلەتمەك[يەشمىسى:] «تۈۋلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن چېلەكنى تۈۋلەتتىم.

تۈۋلەنمەك

  • تۈۋلەنمەك[يەشمىسى:] «تۈۋلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تۈنىكىچىنىڭ ئالدىدا ئاق تۈنىكىدە تۈۋلەنگەن بىر كونىراق چېلەك تۇراتتى.

تۈۋلۈك

  • تۈۋلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① چېلەك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ تۈۋىگە ئورنىتىپ قويۇلغان يۇپقا مېتال، قەلەي.[يەشمىسى:] ② قازاننىڭ ئاستىغا قويۇش ئۈچۈن، ياغاچ، ساپال، تۆمۈردىن تەييارلانغان يۇمىلاق ياكى تۆت بۇلۇڭ شەكلىدىكى تەگلىك.

تۈۋلىمەك

  • تۈۋلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۈۋى يوق نەرسىلەرگە تۈۋ ئورناتماق:[مىسال:] ئۇ مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭ داس-چېلەكلىرىنى تۈۋلەپ بېرىدۇ.

تې

  • تې[يەشمىسى:] «ت» ھەرپىنىڭ نامى.

تېبابەت

  • تېبابەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مىزاجقا ئاساسەن دورا ماتېرىياللىرى ئارقىلىق داۋالاش ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىلىرى.

تېبابەتچىلىك

  • تېبابەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېبابەت كەسپى:[مىسال:] تېبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانماق.

تېبابەتخانا

  • تېبابەتخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] تېبابەت ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق داۋالاش ئورنى، شىپاخانا.

تېببىي

  • تېببىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى ۋە ۋاسىتىلىرىغا باغلىق بولغان:[مىسال:] يارىدارلارغا باتاليون ھەمشىرىسى قەمەرنىسا تېببىي ياردەم كۆرسەتتى.

تېپىچەك

  • تېپىچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېپىش ۋە پۇتنى تەپكەندەك سىلكىش، يىغىش ھالىتى:[مىسال:] تېپىچەك ئاتماق.

تىپىچەكلەتمەك

  • تىپىچەكلەتمەك[يەشمىسى:] «تېپچەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تېپىچەكلەشمەك

  • تېپىچەكلەشمەك[يەشمىسى:] «تېپىچەكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تېپىچەكلىمەك

  • تېپىچەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يەرنى ئارقىمۇئارقا قاتتىق دەسسەپ تەپمەك:[مىسال:] ئېغىلدا بولسا، قاڭتۇرۇپ قويۇلغان بوز ئات ئىگىسىنى كۆرگەن ھامان تېپىچەكلەپ، كىشنەيتتى.[يەشمىسى:] ② پۇت-قولىنى ئۇ يان-بۇ يان سىلكىپ، بوشاشقا ئىنتىلمەك:[مىسال:] شەرىپە تېپىچەكلەپ ۋارقىرىدى.[يەشمىسى:] ③ تېز، قاتتىق سوقماق، دۈپۈلدىمەك (يۈرەك ھەققىدە):[مىسال:] ئۇنىڭ يۈرىكى كۆكرەك قەپىسىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك تېپىچەكلەيتتى.

تېپىر

  • تېپىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] پۇتلىرىنى سىلكىش، ئۇ يان-بۇ يان چاپچىش ھالىتى.

تېپىر-تېپىر

  • تېپىر-تېپىر[يەشمىسى:] «تېپىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

تېپىرلاتماق

  • تېپىرلاتماق[يەشمىسى:] «تېپىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يىگىت گەۋدىسىنى كېلەڭسىز ھالدا تېپىرلىتىپ قەبرە ئۈستىدە ياتاتتى.

تېپىرلاشماق

  • تېپىرلاشماق[يەشمىسى:] «تېپىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تېپىرلىماق

  • تېپىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پۇتلىرىنى سىلكىپ، ئۇ يان-بۇ يان چاپچىماق، چېپىشقا تەمشەلمەك (ئات، ئۇلاغلار ھەققىدە).[يەشمىسى:] ② ئۆزىنى ئۇ ياق-بۇ ياققا ئۇرماق، پۇت-قوللىرىنى سىلكىمەك، تېپىچەكلىمەك:[مىسال:] قىز قاپقانغا چۈشكەن جانىۋاردەك تېپىرلىدى.[يەشمىسى:] ③ دۈپۈلدەپ قاتتىق سوقماق (يۈرەك ھەققىدە):[مىسال:] جەڭچىلەرنىڭ يۈرىكى ئادەتتىكىدىن باشقىچە تېپىشكە، تىت-تىت بولۇشقا، تېىپىرلاشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىزدەنمەك، ھەرىكەت قىلماق:[مىسال:] ئۇ سېنى باغلىتىمەن، تۈرمىگە سولىتىۋېتىمەن دەپ، تېپىرلاپ يۈرىدۇ.

تېپىشتۇرماق

  • تېپىشتۇرماق[يەشمىسى:] «تېپىشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قايسى دەللە مېنى سەن راۋاج تاپماسقا تېپىشتۇرغان بولغىدى.

تېپىشتۇرۇلماق

  • تېپىشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تېپىشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تېپىشتۈرمەك

  • تېپىشتۈرمەك[يەشمىسى:] «تېپىشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تېپىشماقⅠ

  • تېپىشماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بىر تۈرى. ئۇنىڭدا تېپىلىشى لازىم بولغان نەرسە ياكى ھادىسىلەرنىڭ بەلگىلىرى ۋە ئوخشاتمىلىرىدىن ئىپادىلەنگەن سۈپەتلىنىشلىرى بېرىلىپ، ئۇنى چۈشىنىش ئارقىلىق شۇ نەرسىنى تېپىشقا ئۈندەيدىغان سوئال بېرىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چۈشىنىلىشى قىيىن بولغان، سىرلىق نەرسە، مەسىلە:[مىسال:] ئادىل ئۈچۈن بولسا، خەتتە يېزىلغان ۋەقەلەر تامامەن سىرلىق بىر تېپىشماق بولۇپ قالدى.

تېپىشماقⅡ

  • تېپىشماقⅡ[يەشمىسى:] ① «تاپماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كىشىلەر رەپقەتنىڭ جەسىتىنى شۇ كۈنى قاراڭغۇ چۈشۈش ئالدىدا، ماھىبەدەرنىڭ جەسىتىنى بولسا ئۈچ كۈندىن كېيىن تېپىشتى.[يەشمىسى:] ② بىر-بىرىنى تاپماق، ئۇچراشماق، يولۇقماق:[مىسال:] ئانا-بالا، ئاكا-سىڭىللار تېپىشتى.[يەشمىسى:] ③ بىر-بىرىنى لايىق تاپماق، كېلىشىپ قالماق:[مىسال:] تېپىشمىغۇچە ئېلىشماس (ماقال). * بۈگۈن ئەكبەر كېلىپلا، بىر قىز بىلەن تېپىشىۋاپتۇ.

تېپىشمەك

  • تېپىشمەك[يەشمىسى:] ① «تەپمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بىرلىكتە دەرس تەكرارلايتتى، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا مەيدانغا چىقىپ، بىرلىكتە پۇتبول تېپىشەتتى.[يەشمىسى:] ② بىر-بىرى بىلەن جېدەللەشمەك، ئۇرۇشماق، زىتلاشماق:[مىسال:] ئىككى ئات تېپىشسە، ئارىدا قالغان ئېشەك ئۆلەر (ماقال). * قارىغاندا، بۇ ئىككىيلەن خورازدەك تېپىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.

تېپىك

  • تېپىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۇت بىلەن بېرىلگەن زەربە، تېپىش:[مىسال:] تۇيۇقسىز تەگكەن ئىككى تېپىكتىن «قىزىل بۇرۇن» نىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ كەتتى.

تېپىكلىمەك

  • تېپىكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئايىغى بىلەن ئارقىمۇئارقا تەپمەك، دەسسىمەك:[مىسال:] مۇبادا تۆت-بەش ياشلىق بالىلار ئۇنىڭ دۈمبىسىگە مىنىۋېلىپ، بىقىنلىرىغا ھەرقانچە تېپىكلىسىمۇ، ئۇنىڭدىن بالىلارچە سەمىمىي، سەبىي كۈلكىدىن باشقا ئىنكاس چىقمايتتى.

تېپىلغۇسىز

  • تېپىلغۇسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېپىلمايدىغان ياكى تېپىلىشى ناھايىتى تەس بولغان، كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ دۇنيادا تېپىلغۇسىز ياخشى ئادەملەر.

تېپىلما

  • تېپىلما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېپىلغان، تېپىپ چىققان نەرسە:[مىسال:] ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلار ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلار كۈنسايىن چوڭقۇرلاشماقتا.

تېپىلماس

  • تېپىلماس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تېپىلمايدىغان:[يەشمىسى:] ئۇلۇغ جۇڭخۇا مېھىرلىك ئەل، ئانام بار مېھرىبان سەندەك. جىمى ئالەمنى مىڭ كەزسەم، تېپىلماس جانۇجان سەندەك.[يەشمىسى:] ② تېپىش ناھايىتى قىيىن بولغان، كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان، قىممەتلىك، نادىر:[يەشمىسى:] ۋاڭلارنىڭ بۇنداق يارلىقلىرى چۈشكەن كۈنلەر دورغا-مىرابلار ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت ئىدى.

تېپىلماق

  • تېپىلماق[يەشمىسى:] ① «تاپماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] − ئاپا، ئاپا، گاڭبىيىم تېپىلدى، گاڭبىيىم تېپىلدى! − دەپ ۋارقىرىدى رازىيە.[يەشمىسى:] ② «تاپماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[يەشمىسى:] شۇ يىلى ئۇ بىردىنلا كەنتنىڭ شۇجىسى بولۇپ قېلىۋىدى، بۇلۇڭ-بۇلۇڭدىن لايىق تېپىلغىلى تۇردى.

تېپىلمەك

  • تېپىلمەك[يەشمىسى:] «تەپمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئىشىك يەنە تېپىلدى، رىسالەت چىقىپ، ئىشىكنى ئېچىشقا ئىككىلىنىپ قالدى.

تېپىن

  • تېپىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خاماندىكى ئۆنچىلەرنى ئۇلاغ، تۇلۇق ياكى باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن تېپىپ يۇمشىتىش ياكى باشقا خامان جابدۇقلىرى بىلەن يۇمشىتىش:[مىسال:] ئېكىندە يوق، تېپىندە يوق، خاماندا تەييار (ماقال).

تېپىنماق

  • تېپىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] باي بولماق، پۇل-ماللىق بولماق.

تېترىل

  • تېترىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، يەنى سېرىق رەڭلىك پاراشوك. مولېكۇلا فورمۇلىسى .C6 H2(NO2)3 .N(CH3).NO2 شىددەتلىك پارتلىغۇچى بولۇپ، ھەربىي ئىشلاردا پارتلىغۇچى دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.

تېتىتقۇ

  • تېتىتقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>يېمەك-ئىچمەك<[يەشمىسى:] تەم تەڭشىگۈچى ئاق رەڭلىك پاراشوك. خىمىيىۋى تەركىۋى C5 H8 O4NNa .H2O تەركىبى تاماق، قورۇمىلارغا تەم كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

تېتىتماق

  • تېتىتماق[يەشمىسى:] ① «تېتىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەلگە ھەسەل تېتىتىپتۇ ئۇ، ئەجىر قىلىپ يىغقان شىرنىدىن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەدىپىنى بەرمەك؛ باشقىلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويماق:[مىسال:] ئۇنىڭغا تازا بىر تېتىتىپ قويۇشقا توغرا كەلدى.

تېتىر

  • تېتىر[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھېچ نەرسە ئۈنمىگەن، ئۈنۈمسىز، قۇۋۋەتسىز، كۈچسىز:[مىسال:] تېتىر يەرگە بۇغداي تېرىپ، كۈزدە ئارا-گۈرجەكنى قۇرۇق قۇچاقلاپ قالغاندەك ئىش بولماس.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] ھېچ نەرسە ئۈنمىگەن، قۇۋۋەتسىز يەر:[مىسال:] سۇغا قانماي دەشتتە قالغان بوز تېتىر، مايسا ئۈنمەي زەردە بولغان شور تېتىر. جاڭ ئۇرۇپ ئۇيقۇڭنى ئاچتى خەلقىمىز، سۇغا قاندىڭ ئەمدى بولدۇڭ گۈل تېتىر.[يەشمىسى:] ③ قاغىلىق ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ ۋە پىچان ناھىيىسىدىكى بىر كەنتنىڭ نامى.

تېتىرلىق

  • تېتىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھېچ نەرسە ئۈنمىگەن، ئۈنۈمسىز، كۈچسىز، ئاجىز يەرلەر.

تېتىشلىق

  • تېتىشلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېتىيدىغان، تېتىملىق:[مىسال:] تېتىشلىق تۇزى بولسا، ئوت ياقۇر ئۆزى بولسا، شېكەردەك سۆزى بولسا، باشتا بارىنى ئېيتقان، ئانامنىڭ ئۆزى بولسا.

تېتىشماق

  • تېتىشماق[يەشمىسى:] «تېتىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قېنى ئۆيگە كىرىشسىلە، بۇ يىلقى ئۈزۈمىمىزنىڭ تەمىنى تېتىشىپ باقسىلار.

تېتىق

  • تېتىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تېتىغان تەم، تېتىش:[مىسال:] تېتىقى بار. تېتىقى يوق.[يەشمىسى:] ② تېتىملىق، تەملىك قىلىدىغان نەرسە؛ تېتىتقۇ:[مىسال:] تېتىق سالماق.

تېتىقسىز

  • تېتىقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تەمى يوق، تەمسىز، لاۋزا:[مىسال:] تېتىقسىز تاماق. تېتىقسىز قوغۇن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىگە ياقمايدىغان، كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان؛ قاملاشمىغان:[مىسال:] تېتىقسىز قىلىق. تېتىقسىز مىجەز. * كامىلجاننىڭ تېتىقسىز كۈلكىسى ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىماقتا.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھۇزۇر-ھالاۋەتسىز، مەنىسىز؛ ئەھمىيەتسىز، بىھۇدە:[مىسال:] ئۇزاق مۇددەتلىك تېتىقسىز تۇرمۇش ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى يوقاتقان.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەدەپ-ئەخلاقسىز سۆز-ھەرىكەتلەردە بولىدىغان، ھاياسىز:[مىسال:] دېسەم-دېمىسەم بۇ قىزنى ھېلىقى نۇرمۇھەممەت خاپا قىلغان گەپ، تولىمۇ تېتىقسىز يىگىتكەن.

تېتىقسىزلىق

  • تېتىقسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لاۋزىلىق، تەمسىزلىك:[مىسال:] تاجىنىسا غالىپنىڭ بۇ قانۇنسىز قىلىقىدىن، خەتتىكى سۆزلەرنىڭ تولىمۇ تېتىقسىزلىقىدىن بىزار بولۇپ، غەزىپى ئۆرلىدى.Ⅸ机?تۈرى: ووھلۇق، جۇشقۇن:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇشال، تېتىك كۆرۈنەتتى.

تېتىكلەشتۈرمەك

  • تېتىكلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «تېتىكلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] جېنى ئارانلا قالغان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان بۇ سۆزلەر بالىنى تېتىكلەشتۈردى.

تېتىكلەشتۈرۈشمەك

  • تېتىكلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «تېتىكلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تېتىكلەشتۈرۈلمەك

  • تېتىكلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «تېتىكلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تېتىكلەشمەك

  • تېتىكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «تېتىكلىمەك»كە قاراڭ:[مىسال:] بوۋاي قاچقۇننىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى كۆرۈپ، بىردىنلا تېتىكلىشىپ قالدى.

تېتىكلەنمەك

  • تېتىكلەنمەك[يەشمىسى:] «تېتىكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كاككۇكۇم، ناخشاڭدىن دولقۇنلاندى دىل، بولدۇممەن يەنىمۇ تېتىكلەنگەندەك بىلەندى ئىرادەم تىغى ناخشاڭدىن، زۇلپىقار بىلەيدە ئىتتىكلەنگەندەك.

تېتىكلىك

  • تېتىكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تېتىك ھالەت، خاراكتېر:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ سەپداشلىرى ئىچىدە تېتىكلىكى، پىكرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن ئالاھىدە ئايرىلىپ تۇراتتى.

تېتىكلىمەك

  • تېتىكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بارغانسېرى تېتىك ھالغا كەلمەك، تېتىكلەشمەك:[مىسال:] ھاشىم ئاكام بىر ھەپتىدىن بېرى خېلى تېتىكلەپ قاپتۇ.

تېتىم

  • تېتىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ تەمگە كىرىشى، تېتىق:[مىسال:] بۇ تۇزنىڭ ھېچ تېتىمى يوق ئىكەن.

تېتىماق

  • تېتىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرئاز يەپ، ئىچىپ تەمىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈپ باقماق:[مىسال:] گاھ خوتۇنى ھۆسنەرىخان چىقىپ، قازانغا پىياز، تۇز سالاتتى، تۇزنى تېتىپ باقاتتى-دە، دەرھال ياناتتى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم تەم بىلىنمەك، ھېس قىلىنماق:[مىسال:] ھەسەلنى كۆپ يېسە، ئەمەن تېتىيدۇ (ماقال). * بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭغا ئۇماچ بىلەن زاغرىنىڭ تەمى قانداقراق تېتىيدىكىن[يەشمىسى:] ③ تەملىك، مەززىلىك ھېس قىلىنماق، يارىماق:[مىسال:] ئۇ كەچلىك تاماق ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئاشۇ سۆزلەرنى ئەسلىگىنىدە، مەززىلىك پۇراق چېچىپ تۇرغان پولۇ ئۇنىڭغا تېخىمۇ تېتىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشتىن كەچۈرۈپ ھۇزۇرىنى، راھىتىنى ياكى جاپا-مۇشەققىتىنى كۆرمەك، سىنىماق:[مىسال:] ئاچچىق-تاتلىقنى تېتىغان بىلىدۇ، يىراق-يېقىننى يۈرگەن بىلىدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۇپايە قىلماق، تەڭ كەلمەك، يەتمەك:[مىسال:] بىزنىڭ پالۋانلىرىمىز مۆرىتى كەلسە، يۈز چېرىككە تېتىيدۇ.

تېتىمسىز

  • تېتىمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەمى يوق، تەمى تىلغا تېتىمايدىغان، تېتىقسىز.

تېتىملىق

  • تېتىملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تەمى بار، تەمى ئېغىزغا تېتىيدىغان، تەملىك، تاتلىق:[مىسال:] جانابلىرىغا بىرەر تېتىملىق ئوزۇق تېپىپ كېلەي.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] راھەت ۋە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان:[مىسال:] سادىق كېتىۋېتىپ ئېگىز تاغ باغرىدىن ئاجايىپ تېتىملىق شېرىن ھېسسىيات بىلەن شەرق تەرەپكە نەزەر تاشلىدى.

تېجەپ-تۆشەپ

  • تېجەپ-تۆشەپ[يەشمىسى:] ئاياپ، رەتلىك، تەرتىپلىك ئىشلىتىپ:[مىسال:] ئاران تېجەپ-تۆشىگەن 30 كوي پۇلۇم بار ئىدى، يوق تۇرىدۇ.

تېجەتمەك

  • تېجەتمەك[يەشمىسى:] «تېجىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تېجەشلىك

  • تېجەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېجەپ ئىشلىتىدىغان، بۇزۇپ-چاچمايدىغان، ئىقتىسادچىل:[مىسال:] ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى يىغىنى بىر قېتىملىق ئاددىي، تېجەشلىك يىغىن بولدى.

تېجەشمەك

  • تېجەشمەك[يەشمىسى:] «تېجىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] − خانلىرىم، گۆش-ياغنى سەل تېجىشىپ ئىشلىتىشسىلە، − دېدى قېينانىسى كېلىنلىرىگە تەنە بىلەن.

تېجەلمەك

  • تېجەلمەك[يەشمىسى:] «تېجىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەنە شۇ ئابلىزنىڭ ئىقتىسادچانلىقى تۈپەيلىدىن، پونكىتقا خېلى جىق ماي تېجەلدى.

تېجىمەك

  • تېجىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پۇل، ماددىي بايلىق ۋە ۋاقىت، كۈچ قاتارلىقلارنى رەتلىك، ئۆز جايىدا ئاياپ ئىشلەتمەك، ئىقتىساد قىلماق:[مىسال:] دۆلەت ئۈچۈن بىر پۇڭنىمۇ تېجەپ قېلىش ناھايىتى زۆرۈر.

تېجىمەل

  • تېجىمەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نەپ، مەنپەئەت ئۈچۈن يۇرت ئارىلاپ، ھەممە يەرنى كېزىپ، قاتراپ يۈرىدىغان قورساق باقتى ئادەم:[مىسال:] تېجىمەل كېپەن تاپسا ئۆلۈۋالار (ماقال). * گەپنى تېجىمەلدىن سورا، يولنى كارۋاندىن (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاتا-ئانىسى يوق، ئىگە-چاقىسىز، يېتىم:[مىسال:] تېجىمەل بالا.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئانىسىدىن ئايرىلغان، ئانىسى ئۆلۈپ قالغان، يېتىم (قوزا ياكى ئوغلاق ھەققىدە):[مىسال:] تېجىمەل قوزا.

تېجىمەللىك

  • تېجىمەللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېجىمەل كىشىلەرگە خاس خۇسۇسىيەت:[مىسال:] بۇنىڭ تېجىمەللىكى تېخى قالماپتۇ.

تېخنولوگ

  • تېخنولوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] تېخنولوگىيە ئالىمى، تېخنولوگىيە مۇتەخەسسىسى.

تېخنولوگىيە

  • تېخنولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① ئىشلەپچىقىرىش جەريانى، ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىلەر ھەققىدىكى بىلىملەر يىغىندىسى.[يەشمىسى:] ② ھۈنەر، تېخنىكا.

تېخنېتسىي

  • تېخنېتسىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] رادىئوئاكتىپلىق ئېلېمېنت. بەلگىسى.(Technetium)Tc دېيترىيىنىڭ ئاتوم يادروسى بىلەن مولبىدىننى بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ. ئادەتتە پولات-تۆمۈرنىڭ چىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى ماتېرىيال سۈپىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

تېخنىك

  • تېخنىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئومۇمىي نامى.[يەشمىسى:] ② ئىنژېنېرلارنىڭ رەھبەرلىكىدە، بەلگىلىك بىر تېخنىكا ۋەزىپىسىنى بېجىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە خادىم:[مىسال:] ئۇ ناھىيىلىك سۇ ئىشلار ئىدارىسىنىڭ تېخنىكى بولۇپ، دېھقانلار ئۇنى «قادىر تېخنىك» دەپ ئاتىۋالدى.

تېخنىكا

  • تېخنىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① ئىنسانلارنىڭ ھۈنەر-سەنئەت، ئىلىم-پەن پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەجرىبە ۋە بىلىملەر.[يەشمىسى:] ② مەخسۇس ھۈنەر-سەنئەت ياكى ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللىنىش يوللىرىنىڭ يىغىندىسى ۋە ئۇلارنى ئىگىلەش ماھارىتى.

تېخنىكوم

  • تېخنىكوم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئالىي ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىك كادىرلارنى تەربىيىلەيدىغان مەخسۇس ئوقۇتۇش ئورنى. بۇ ئالىي تېخنىكوم، ئوتتۇرا تېخنىكوم دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

تېخنىكىلىق

  • تېخنىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك، تېخنىكىغا ئائىت، تېخنىكىدىن پايدىلىنىدىغان:[مىسال:] ئەسئەت باشقىچە يول تۇتۇپ، پار قازىنىنى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزگەن بولدى.

تېخنىكىۋى

  • تېخنىكىۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تقق:[مىسال:] ئەگەر ئۇنىڭ نەتىجىسى سىز ئېيتقاندەك چىقسا، بۇ ھەقىقەتەنمۇ چوڭ بىر تېخنىكىۋى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلغان بولىدۇ.

تېخى

  • تېخى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھازىرغا قەدەر، ھازىرمۇ:[مىسال:] مەن كىگىز ئۆتۈك بىلەن ناننى ئېلىپ، ھېلىقى بالىنىڭ يېنىغا چاپتىم. بارسام ئۇنىڭ كۆز يېشى تېخى قۇرۇماپتۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] «ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭدىن تاشقىرى، يەنە كېلىپ، يەنە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ، تېخى پارتىيىگە كىرمەكچى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئەمدى، ئەمدىلا، يېڭىلا:[مىسال:] ئۇلار تېخى بىرنەچچە قەدەم مېڭىۋىدى، ئالدى تەرەپتىن ئەزىمەت بىلەن بالا كۆتۈرگەن چىنارخان چىقىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يەنە، يەنىمۇ، ئىنتايىن:[مىسال:] بىزنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىمىز تېخى كۆپ، سىلەرنىڭ قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىشىڭلارغا موھتاجمىز.[يەشمىسى:] ⑤ يۈكلىمە رولىدا تۆۋەندىكى مەنىلەردە كېلىدۇ: 1) جۈملىنىڭ خەۋىرىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن كېلىپ، جۈملىدىكى ئىشنى باشقا بىر ئىشقا نىسبەتەن شۇنداق دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] نېمانچە ئورۇقلاپ قالدىڭ ھازىر سەمرىپ قالدىم تېخى، بۇرۇن كۆرسەڭ قورقۇپ كېتەتتىڭ.[يەشمىسى:] 2) جۈملىنىڭ خەۋىرىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن كېلىپ، سۆزلىگۈچىنىڭ قارىشىچە خەۋەردە ئىپادىلەنگەن ئىشنىڭ بىھۇدە بولغانلىقى، چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، سۇبيېكتىپ ئۈچۈن مۇناسىپ ئەمەسلىكى قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] قىلغان-ئەتكىنىنى ئاز دەپ، تېخى ئادەم ئۇرغىنىنى قارىمامدىغان.[يەشمىسى:] 3) بەزى ۋاقىت ھالەتلىرىنىڭ ياكى رەۋىشداش سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ ئالدىدا كېلىپ، ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمىگەنلىك مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ چاغدا كۆپىنچە «-لا» يۈكلىمىسى بىلەن ماسلىشىپ كېلىدۇ:[مىسال:] تېخى سوئالنى كۆرۈپ بولمايلا سائەت توشۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ⑥ ئۈستلىمە ئۈندەش جۈملىلەر تەركىبىدە كېلىدۇ:[مىسال:] ئۇ ناھايىتى ياخشى بالا، ئۆتكۈرلۈكىچۇ تېخى.

تېخىچە

  • تېخىچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بۇرۇنقىدەكلا، يەنىلا، ھازىرغىچە:[مىسال:] دۈيجاڭ تېخىچە بېسىلمىغان ئاچچىقى بىلەن ئۆزىچە غۇدۇڭشۇپ قويدى.

تېخىمۇ

  • تېخىمۇ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① بالدۇرقىغا قارىغاندا، بارغانسېرى:[مىسال:] قىز سېۋەتكە ئىككى قولى بىلەن تېخىمۇ چىڭ ئېسىلىۋالدى.[يەشمىسى:] ② ئىنتايىن، ناھايىتى؛ بەكراق:[مىسال:] ئەگەر شۇ راۋابنىمۇ ئەكەلدۈرۈپ بېرەلىسەڭ، بىزنى تېخىمۇ رازى قىلاتتىڭ.

تېرە

  • تېرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مۇسكۇلنى ئوراپ تۇرغۇچى تەن سىرتىدىكى توقۇلما، ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئېپىدېرما، ھەقىقىي تېرە ۋە تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ قەۋەتتىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇلار تەننى مۇھاپىزەت قىلىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ۋە كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىۋېتىش روللىرىنى ئوينايدۇ.[يەشمىسى:] ② نەرسىلەرنىڭ ئۈستىنى ئوراپ تۇرغان پوست:[مىسال:] تېرىسى قېلىن ئۆرۈك.

تېرە-تەرسەك

  • تېرە-تەرسەك[يەشمىسى:] ھايۋانلارنىڭ خىلمۇخىل تېرە-كۆرپە ۋە شۇ قاتارلىق ھەھسۇلاتلىرى:[مىسال:] ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنلىرى تېرە-تەرسەك بازىرى راسا قىزىپ كېتەتتى.

تېرەك

  • تېرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تال تېرەكلەر ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ئۇنىڭ سۇۋادان تېرەك، قاپاق تېرەك، ئاق تېرەك ۋە تاغ تېرىكى قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلىرى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② باي ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ ۋە ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىكى يەنە بىر يېزىنىڭ نامى.

تېرەكلىك

  • تېرەكلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېرەك بىلەن قاپلانغان، تېرەك ئۆستۈرۈلگەن:[مىسال:] تېرەكلىك ئورمان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرەك كۆپ ئۆستۈرۈلگەن جاي:[مىسال:] قۇربان ئاقساقال قاراڭغۇ تېرەكلىك كەينىدىن تىمىسقىلاپ چىقىپ، يۈسۈپ چوڭنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدى.

تېرەن

  • تېرەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چوڭقۇر:[مىسال:] ئۇ كۆلنىڭ تېرەن-تېيىزلىقىغا قارىماستىنلا، سۇغا كىرىپ كېتىپ، چىقالماي ئۆلدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەزمۇن جەھەتتىن كەڭ، ئەتراپلىق، چوڭقۇر:[مىسال:] تېرەن بىر ئوي دېڭىزى ئىچرە پاتتى، خىيالى ئۇنى بىر گىردابقا ئاتتى.

تېرەنلىك

  • تېرەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چوڭقۇرلۇق.

تېربىي

  • تېربىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت، بەلگىسى.(Terbium)Tb رەڭسىز كرىستاللىق پاراشوك بولۇپ، زەھەرلىك. بىرىكمىلىرى ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرگۈچى دورا قىلىنىدۇ ۋە بەزى تېرە كېسەللىرىنى داۋالاشتا قوللىنىلىدۇ.

تېرراسا

  • تېرراسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] يەر ئۈستىنىڭ يانپاش تۇرغان جايى.

تېررامىتسىن

  • تېررامىتسىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئانتىبىئوتىكلارنىڭ بىرى. كۆپ خىل شارچە باكتېرىيە ياكى تاياقچە باكتېرىيىلەرگە قارىتا قارشى رول ئوينايدۇ. ئادەتتە يۇقىرىقى نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنىشى، ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىنىڭ يۇقۇملىنىشى، قارا كېزىك ۋە چۆل ئورمان سالجىسىدىن بولىدىغان كېزىك قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

تېررور

  • تېررور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] زورلۇق بىلەن ياكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، قىرىش:[مىسال:] تېررۇر قىلماق.

تېررورچى

  • تېررورچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز پىكرى ۋە مەسلىكىنى تېررور يولى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقۇچى ئادەم.

تېررورلۇق

  • تېررورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زوراۋانلىق ياكى قەستلەپ قىلىنغان قىرغىنچىلىق ۋە قولغا ئېلىش ھەرىكەتلىرى:[مىسال:] شېڭ شىسەي ئاشكارا تېررورلۇق قىلىشقا باشلىغانىدى.

تېررىتورىيە

  • تېررىتورىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تەۋەلىكىدىكى رايونلار. ئۇ قۇرۇقلۇق، سۇ ۋە ھاۋا تەۋەلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تېررىتورىيىلىك

  • تېررىتورىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېررىتورىيىگە ئىگە؛ تېررىتورىيىگە تەئەللۇق، تېررىتورىيە جەھەتتىكى:[مىسال:] تېررىتورىيىلىك ئۆزگىرىشلەر. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تېررىتورىيىلىك رايونلار.

تېرمو

  • تېرمو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] سۆز بىرىكمىلىرى ۋە بىرىككەن سۆزلەرنىڭ 1-تەركىبىدە كېلىدىغان «ئىسسىقلىق، تېمپېراتۇرا» مەنىسىدىكى ياردەمچى سۆز:[مىسال:] تېرمو قارشىلىق.

تېرمودىنامىكا

  • تېرمودىنامىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى بىلەن باشقا ئېنېرگىيىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئايلىنىشىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئىسسىقلىقنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ماددىلارنىڭ خىمىيىۋى ئۆزگىرىشى-نۇرلىنىش ۋە باشقا فىزىكىلىق ھادىسىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، تېرمودىنامىكىنىڭ مەزمۇنى فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك ھادىسىلەرگە چېتىلىدۇ.

تېرموستات

  • تېرموستات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلالايدىغان بىر خىل تەجرىبىخانا ئەسۋابى. ئۇ ئادەتتىكى بىئولوگىيە تەجرىبىلىرى ياكى باكتېرىيلەرنى تەربىيىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

تېرمومېتامورفىزم

  • تېرمومېتامورفىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ماگما ھەرىكىتى بۆسمە گەۋدە بىلەن قورشالما جىنسلار تېگىشكەن جايدا كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر خىل ئۆزگىرىش.

تېرمومېتىر

  • تېرمومېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] تېمپېراتۇرىنىڭ ئىسسىقلىق ياكى سوغۇقلۇق دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب.

تېرموئېلېمېنت

  • تېرموئېلېمېنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئېلېكتر<[يەشمىسى:] ئىككى خىل ئوخشىمايدىغان مېتالنى كەپشەرلەپ ياسالغان دېتال. ئۇ تېرمومېتىر ۋە سېزىمچانلىقى يۇقىرى گالۋانومېتىر ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.

تېرمىن

  • تېرمىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ئاتالغۇ.

تېرمىنشۇناس

  • تېرمىنشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] تېرمېن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئالىم، مۇتەخەسسىس.

تېرمىنشۇناسلىق

  • تېرمىنشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرمىننى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

تېرمىنولوگىيە

  • تېرمىنولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+گرېكچە[[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىر پەن-تېخنىكا ساھەسىگە مەنسۇپ بولغان ئاتالغۇلار يىغىندىسى، توپلىمى.[يەشمىسى:] ② تىلشۇناسلىقنىڭ ئاتالغۇلارنى ئۆگىنىش، يىغىش، رەتلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ساھەسى.

تېرىپ-تەرمەپ

  • تېرىپ-تەرمەپ[يەشمىسى:] «تېرىپ-تۆشەپ»كە قاراڭ.

تېرىپ-تۆشەپ

  • تېرىپ-تۆشەپ[يەشمىسى:] ئازدىن-ئازدىن يىغىپ، جەملەپ:[مىسال:] چېچىلغاننى تېرىپ-تۆشەپ يىغىمىز، ئوزۇققا باي نەسلىمىز ھەم ئۇۋىمىز.

تېرىپۇرۇش

  • تېرىپۇرۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرە يىغىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى.

تېرىتماق

  • تېرىتماق[يەشمىسى:] «تېرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بارىمەن دەپ، تۇرىمەن دەپ، يالغاندىن ئېيتقان. بارار، كېلەر يوللىرىغا ئازغان تېرىتقان.

تېرىچى

  • تېرىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرە يىغىش ۋە سېتىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى، تېرىپۇرۇش:[مىسال:] ئۇ بولسا بىزنىڭ مەھەللىلىك تېرىچى سابىت ئىدى.

تېرىچىلىك

  • تېرىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرە يىغىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى.

تېرىشتۈرمەك

  • تېرىشتۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەرمەك، يىغماق:[مىسال:] خەلق توپى چېرىكلەر چېچىۋەتكەن تۇز پارچىلىرىنى تېرىشتۈردى.

تېرىشماق

  • تېرىشماق[يەشمىسى:] «تېرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تېخنىك كادىرلارنىڭ مەسلىھىتى بويىچە، دېھقانلار ئېڭىز ئورنىغا قوناقنىڭ سورتلۇق يېڭى ئۇرۇقلىرىنى تېرىشتى.

تېرىشمەك

  • تېرىشمەك[يەشمىسى:] «تەرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بادامدوپپا گۈللىرىدەك پاختىزاردا، قىز-جۇۋانلار غوزىلارنى تېرىشمەكتە.

تېرىغان-تىككەن

  • تېرىغان-تىككەن[يەشمىسى:] ① تېرىپ، پەرۋىش قىلىپ يېتىشتۈرگەن:[مىسال:] تېرىغان-تىككەن نەرسىلەر شۇ پېتى ئېتىزدا قالدى.[يەشمىسى:] ② ھەرىكەت قىلىپ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ قولغا كەلتۈرگەن:[مىسال:] كۆرۈپسەن تېرىغان-تىككەن ئېشىڭنى، ئاخىر يەرسەن بىر كۈن زالىم بېشىڭنى.

تېرىق

  • تېرىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. باشىقى سۇس سېرىق بولۇپ، ئاقلىغاندىن كېيىن سېرىق دېنى چىقىدۇ. ئۇ مۇھىم ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنى ئىشلەشكە ۋە ھاراق ئېچىتىشقا بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ دېنى.

تېرىقتەك

  • تېرىقتەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىچىككىنە، ناھايىتى كىچىك:[مىسال:] تاغدەك ئىشنىڭ تېرىقتەك تۈگۈنى بار (ماقال). * كۆڭلۈمدە تېرىقتەك يامانلىق بولسا، ئەتىگە يەتمەي

تېرىقچى

  • تېرىقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەر تېرىغۇچى، دېھقان.

تېرىقچىلىق

  • تېرىقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زىرائەت تېرىش، پەرۋىش قىلىش، يىغىش ئىشلىرى؛ دېھقانچىلىق:[مىسال:] بۇ يىل تېرىقچىلىقىمىز يامان ئەمەس.

تېرىقسىز

  • تېرىقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زىرائەت تېرىلمىغان، ئاق (يەر ھەققىدە):[مىسال:] ئۆتكەن يىل كۈز ۋە بۇ يىل ئەتىيازقى خاتىرجەمسىزلىك دەستىدىن باغلار تېرىقسىز قالغان.

تېرىقلىقⅠ

  • تېرىقلىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرىق تېرىلغان جاي، تېرىق كۆپ ئۆسكەن، تېرىق باسقان يەر، ئېتىز:[مىسال:] ئاكام تېرىقلىقنى سۇغىرىۋاتىدۇ.

تېرىقلىقⅡ

  • تېرىقلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېرىلغان، تېرىپ ئۆستۈرۈلگەن:[مىسال:] كىچىككىنە باغىم بار، كۆممىقوناق تېرىقلىق. چىرايىمدىن كەتمەيدۇ، پىراقىڭدا سېرىقلىق.

تېرىكتۈرمەك

  • تېرىكتۈرمەك[يەشمىسى:] «تېرىكمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ شەمەرنى تېرىكتۈرۈپ قويدى.

تېرىكتۈرۈلمەك

  • تېرىكتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «تېرىكتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تېرىككەك

  • تېرىككەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسان، كۆپ تېرىكىدىغان:[مىسال:] ئەمەت ئۇستا بارغانچە جاھىل، تېرىككەك، غەرەز ئۇقمايدىغان بولۇپ كەتتى.

تېرىككەكلىك

  • تېرىككەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاسانلا تېرىكىپ قالىدىغان مىجەز، خاراكتېر.

تېرىكمەك

  • تېرىكمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاچچىقلانماق، خاپا بولماق:[مىسال:] قادىر قىزىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تېرىكتى.

تېرىكىشمەك

  • تېرىكىشمەك[يەشمىسى:] «تېرىكمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مەن بۇ قوشنىمىز بىلەن بىرئاز تېرىكىشىپ قالغاندىن كېيىن، قايتا ئۇچراشمىدىم.

تېرىلغۇ

  • تېرىلغۇ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەيدەش، تېرىش ئىشلىرى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلات:[مىسال:] ھاپىز بۇ خىياللارنى كۆڭلىگە پۈككەندىن كېيىن، شەرۋانەمنى ئالدىرىتىپ، ئۆز تېرىلغۇسىغا جىددىي كىرىشىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېرىقچىلىق، دېھقانچىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، دېھقانچىلىققا خاس بولغان:[مىسال:] تېرىلغۇ كۆلىمى. تېرىلغۇ يەرلەر.

تېرىلغۇلۇق

  • تېرىلغۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرىلغۇ قىلىشقا باب، مۇۋاپىق يەر:[مىسال:] نۇرغۇن بوز يەرلەر تېرىلغۇلۇقلارغا ئايلاندى.

تېرىلماق

  • تېرىلماق[يەشمىسى:] «تېرىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولسام، بىرمۇنچە بالا تېرىلاتتى.

تېرىلمە

  • تېرىلمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر-بىرلەپ تېرىلىپ جەم بولغان، يىغىلغان:[مىسال:] بۇ ئەمدى بىر يېرىم يىل بۇرۇن قۇمۇلدا ھاجىلار كۆرگەن ھېلىقى تېرىلمە قوشۇن ئەمەس ئىدى.

تېرىلمەك

  • تېرىلمەك[يەشمىسى:] «تەرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] 10-ئايغىچە پاختىلارنىڭ بىرىنچى تېرىمى تېرىلىپ بولدى.

تېرىم

  • تېرىم[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەيدەش-تېرىش ئىشى، تېرىلغۇ:[مىسال:] ئەتىيازلىق تېرىم باشلانغاندا، بۇ لاپقۇتلىشىش گۇرۇپپىسى يەنە يەتتە ئائىلىگە كېڭەيدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېرىلغۇ ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان:[مىسال:] تېرىم يەر.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەھسۇلاتلارنى بىر-بىرلەپ تېرىپ، يىغىش ئىشى:[مىسال:] پاختا ترىمىدا خوتۇن-قىزلار تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ.[يەشمىسى:] ④ پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ ۋە يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

تېرىماق

  • تېرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① زىرائەتلەرنىڭ ئۇرۇقىنى يەرگە چېچىپ، كۆممەك:[مىسال:] قۇشقاچتىن قورققان بۇغداي تېرىماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پەيدا قىلماق، ئۇلغايتماق:[مىسال:] گەپ تېرىماق. ئىش تېرىماق. ماجىرا تېرىماق. غەلۋە تېرىماق. چاتاق تېرىماق. بالا تېرىماق.

تېرىمچى

  • تېرىمچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرىلغۇ قىلغۇچى، دېھقان، تېرىقچى:[مىسال:] تېرىمچى بىر چولاق كەتمەندە قالدى، ماتاچى مىڭ ياماق چەكمەندە قالدى.[يەشمىسى:] ② ئېچىلغان پاختىلارنى قول بىلەن تېرىپ ئالغۇچى:[مىسال:] پاختىزارلىقتىكى تېرىمچىلار گويا ماشىنا ئادەملەردەك چارچاشنىمۇچىقىرىپ ئىشلىمەكتە ئىدى. ∥ تېرىمچى قىزلار.

تېرىندى

  • تېرىندى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر-بىرلەپ تېرىش ئارقىلىق جەملەنگەن، يىغىلغان:[مىسال:] تېرىندى نەرسىلەر.

تېز

  • تېز[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە:[مىسال:] مامۇت ئاپتوموبىل ھەيدەشنى تېز ئۆگىنىۋالدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]رەۋىش.[يەشمىسى:] ھازىرنىڭ ئۆزىدە، شۇ تاپتا، چاپسان، دەرھال:[مىسال:] قاسىم ئاكام سىزنى تېز كەلسۇن، دەيدۇ، -دېدى ئۇ ھاسىراپ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چاپسان، چاققان، ئىتتىك:[مىسال:] تېز قەدەم. تېز ھەرىكەت. تېز سۈرئەت.

تېزەك

  • تېزەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھايۋانلارنىڭ گەندىسى:[مىسال:] كالا تېزىكى. تېزەك تەرمەك. * يازنىڭ تېزىكى قىشتا دورا (ماقال).

تېزەكچى

  • تېزەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېزەك يىغقۇچى، تېزەك تەرگۈچى.

تېزەكلەتمەك

  • تېزەكلەتمەك[يەشمىسى:] «تېزەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئېشەكنى ئالتۇن تېزەكلەتمەكچى بولۇپ ئېشەك ئېغىلىنى ئېچىپ كىرسە، ئالتۇن تېزەكلەيدىغان ئېشەك توڭلاپ قېتىپ قاپتۇ.

تېزەكلىك

  • تېزەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېزەك كۆپ جاي:[مىسال:] تېزەكلىكنىڭ قوڭغۇزىدەك غۇڭۇلدىماق.

تېزەكلىمەك

  • تېزەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تېزەك چىقارماق، چىچماق (ھايۋانلار ھەققىدە):[مىسال:] بەختسىز قىز تېزەك تەرگىلى چىقسا، كالا سۇغا تېزەكلەپتۇ (ماقال).

تېز-تېز

  • تېز-تېز[يەشمىسى:] ① ئۈزلۈكسىز ۋە ئىلدام، چاپسانلىق بىلەن:[مىسال:] ئۇ دەرھال يۈزىنى ئۆرۈپ، تېز-تېز مېڭىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② پات-پات، ئۇزاق ئۆتمەي:[مىسال:] مەختۇم شۇنىڭدىن كېيىن، ئالىملارنىڭكىگە تېز-تېز كېلىپ تۇرىدىغان بولدى.

تېزدىن

  • تېزدىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، دەرھال؛ھازىرلا:[مىسال:] خەتتە: «قولغا چۈشكەن كىشىنى تېزدىن بۇ يەرگە كەلتۈرۈڭلار» دەپ يېزىلغانىدى.

تېزلەتكۈچى

  • تېزلەتكۈچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېزلىتىدىغان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر جەرياننى تېزلىتىدىغان، ئىلگىرى سۈرىدىغان ئامىل، سەۋەب:[مىسال:] بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ھەمكارلىق-ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى ياخشى قىلىشتىكى تېزلەتكۈچى تۈرتكىلەردىن بىرى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن يۇقىرى سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىدىغان زەررىچىلەرنى ھاسىل قىلىش قۇرۇلمىسى، يەنى ئاتوم يادروسى ۋە ئاساسىي زەررىچىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تەتقىق قىلىش قورالى.

تېزلەتمەك

  • تېزلەتمەك[يەشمىسى:] «تېزلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆيىگە قاراپ كېتىۋاتقان ئەنۋەر قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتتى.

تېزلەشتۈرمەك

  • تېزلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «تېزلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سۈرئەتنى تېزلەشتۈرمەك.

تېزلەشتۈرۈشمەك

  • تېزلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «تېزلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تېزلەشتۈرۈلمەك

  • تېزلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «تېزلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يىل كومبايىننىڭ رولىدىن پاىدىلانغاچقا، يازلىق يىغىم سۈرئىتى زور دەرىجىدە تېزلەشتۈرۈلدى.

تېزلەشمەك

  • تېزلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سۈرئىتى، تېزلىكى بارغانسېرى ئاشماق:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشى بارغانسېرى تېزلەشمەكتە ئىدى.

تېزلىتىلمەك

  • تېزلىتىلمەك[يەشمىسى:] «تېزلەتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ، گۈزەل سەنئەتچىلەرنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى تېزلىتىلدى.

تېزلىك

  • تېزلىك[يەشمىسى:] ① ئىش-ھەرىكەتنىڭ مەلۇم جەريانىدىكى سۈرئىتى، ئىلداملىقى، جىددىيلىكى:[مىسال:] ئابدۇۋايىتنىڭ كۆز ئالدىدىن مۇنداق بىر ۋەقە چاقماق تېزلىكىدە ئۇچۇپ ئۆتتى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ھەرىكەتلىنىۋاتقان جىسىمنىڭ مەلۇم بىر يۆنىلىشتە، بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە بېسىپ ئۆتكەن يولى.

تېزلىكتە

  • تېزلىكتە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تېزلىك بىلەن، دەرھال:[مىسال:] ئەر-ئاياللار بىرلىكتە، ھەرىكەت قىلىپ تېزلىكتە، ياشاش ئۈچۈن ھۆرلۈكتە، گۈللىتەيلى ۋەتەننى.

تېزلىمەك

  • تېزلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تېزلىكى ئاشماق:[مىسال:] ماشىنا تېزلىدى. * ئوقۇغۇچىسىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ قەدەملىرى تېخىمۇ تېزلىدى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم بىر ئىش جەريانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئاز قالماق؛ يۈكسەلمەك، ئىلگىرىلىمەك:[مىسال:] بۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئالغا بېسىشى خېلى تېزلەپ قالدى.

تېزلىنىشچان

  • تېزلىنىشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بارغانسېرى تېزلىنىپ بارىدىغان:[مىسال:] تېزلىنىشچان ھەرىكەت.

تېزىس

  • تېزىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] يازماقچى بولغان ئىلمىي ئەسەر، ماقالە ۋە سۆزلىمەكچى بولغان دوكلات ياكى نوتۇق قاتارلىقلارنىڭ ئاساسىي نۇقتىلىرى:[مىسال:] ئۇ بىرنەچچە ۋاراق قەغەزگە يېزىلغان تېزىس بويىچە، رەيھاننىڭ «مەسىلە» لىرىنى بىر-بىرلەپ ئوقۇپ چىقتى.

تېشىرقاتماق

  • تېشىرقاتماق[يەشمىسى:] «تېشىرقىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قوراملىق سايدا مىنىپ يۈرۈپ، ئاتنى تېشىرقىتىۋېتىپسەن، دېدى داۋۇتئاخۇن ئوغلىغا.

تېشىرقىماق

  • تېشىرقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئات-ئۇلاغلار تاش-شېغىللىق يوللاردا كۆپ مېڭىپ، تۇياقلىرىنىڭ ئۇپرىشىدىن تەستە ماڭىدىغان بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئاياز ئۆزىنىڭ «تېۋىلغا تور» ئېتى تېشىرقاپ كەتكەنلىكتىن مىنەلمەي، ئەسمىتۇللانىڭ ئېتىنى مىنىپ چىققانىدى.

تېشىشمەك

  • تېشىشمەك[يەشمىسى:] «تەشمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ياشلاردىن بەشى كېلىپ، ئىشىكنىڭ يان تەرىپىدىكى تامنى تېشىشتى.

تېشىلمەك

  • تېشىلمەك[يەشمىسى:] ① «تەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] پالتىنىڭ چۇلدىسى بىلەن مۇزنى ئۇرسام، مۇز تېشىلدى.[يەشمىسى:] ② قاپىرىپ يېرىلماق، سىقىلىپ چىقماق:[مىسال:] يارا تېشىلمەك. * بۇ جەرياندا يىڭنە سانجىلغان بارماقلىرى نەچچە تېشىلىپ، نەچچە ساقايدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەلۇم بىر ئىش ياكى گەپنىڭ مۇھىم بىر نۇقتىسى ئاشكارىلانماق، مەيدانغا چىقماق:[مىسال:] گەپ تېشىلدى. * ھەممە ئىش شۇنىڭدىن تېشىلدى، نەچچە يۈز بالا بار يەردە نېمىنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولىدۇ.

تېقىم

  • تېقىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەم تىزىنىڭ قارشى تەرەپتىكى پۈكلىنىدىغان جايى:[مىسال:] ھۆسنەرىخان بىر قولىدا زەيتۇنەمنىڭ تېقىمىنى، ئىككىنچى قولىدا لېپىكىنى تۇتۇپ كۈچەپ بېسىپ باقتى.[يەشمىسى:] ② ئات-ئۇلاغ مىنگۈچىگە نىسبەتەن پۇتنىڭ، ئۇلاغنىڭ قورسىقىغا تېگىپ تۇرغان ھەممە قىسمى؛ بەلنىڭ ئاستى:[مىسال:] ئالماس تېقىمىدا ئات بولمىغانلىقىغا قاتتىق ئەپسۇسلاندى.[يەشمىسى:] ③ ھايۋانلارنىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئاستى:[مىسال:] موما تۈۋىدىكى سېرىق كالا شاتىراقلاپ تېقىمىنى پوق قىلىۋەتكەنىدى.

تېقىمداشماق

  • تېقىمداشماق[يەشمىسى:] «تېقىمدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تېقىمدىماق

  • تېقىمدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇلاغ ئۈستىدە تۇرۇپ، بىرەر نەرسىنى تېقىمى ئاستىغا باسماق، قىستۇرماق.[يەشمىسى:] ② ئات-ئۇلاغنى تېقىمى بىلەن دېۋىتىپ ھەيدىمەك:[مىسال:] ئېتىڭنى پات-پات تېقىمداپ قوي، سەل ئىتتىكلىمىسەك كۈن ئولتۇرغۇچە يېتىپ بارالمايمىز.

تېكە

  • تېكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆچكە، ياۋا ئۆچكە، جەرەن قاتارلىقلارنىڭ ئەركىكىنىڭ پىچىلمىغىنى:[مىسال:] ئالتە ئۆچكىگە يەتتە تېكە (ماقال).

تىكتونا

  • تىكتونا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] دورىلىق تىزمىگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى چوڭ بولىدۇ. ياغىچى تۇتۇق قوڭۇر، قاتتىق ۋە چىرىتىشكە چىداملىق كېلىدۇ. ياغىچىنى كېمىسازلىق، بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

تېكتونىكا

  • تېكتونىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] يەر پوستىنىڭ ھەرىكىتى، ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ جەريانىنى ئۆگىنىدىغان، تەتقىق قىلىدىغان پەن.

تېكتونىكىلىق

  • تېكتونىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يەر پوستى ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىگە باغلىق بولغان، ئۇلارنىڭ نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان:[مىسال:] تېكتونىكىلىق ھەرىكەت. تېكتونىكىلىق يەر تەۋرەش.

تېكىچەك

  • تېكىچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆچكە، ياۋا ئۆچكە، جەرەن قاتارلىقلارنىڭ پىچىۋېتىشتىن بۇرۇنقى ئەركەك ئوغلىقى.

تېكىچى

  • تېكىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېكىنى مەلۇم ئويۇن ۋە ھەرىكەتلەرگە ئۆگىتىپ، ئويناتقۇچى كىشى:[مىسال:] بىرنېمىلەرنى دەپ ئۇنى ماختاۋاتقان تېكىچى قولىدىكى تاياقنى پەشتاققا ئۇردى.

تېكىساقال

  • تېكىساقال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تېكە+ساقال[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «كۆكسېغىز»غا قاراڭ.

تېكىسالتاڭ

  • تېكىسالتاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]تېكە+سالتاڭ[[يەشمىسى:] قول ئىلكىدە ھېچنېمىسى يوق، دەسمايىسىدىن ئايرىلغان.

تېكىست

  • تېكىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① يېزىلغان، كۆچۈرۈلگەن، بېسىلغان ئەسەر ياكى ھۆججەتنىڭ ئەسلىسى:[مىسال:] ھەرقانداق ياخشى تەرجىمىمۇ ئەسلىي تېكىستنى تولۇق ئىپادىلەپ كېتەلمەيدۇ.[يەشمىسى:] ② نۇتۇق، دوكلات قاتارلىقلارنىڭ يازما نۇسخىسى، ئورىگىنالى:[مىسال:] ئۇ دوكلات تېكىستىنى ئىككى-ئۈچ كۈندىن بېرى ئىشخانىدىمۇ، ئۆيىدىمۇ بوشلا ۋاقتى بولسا، يېزىۋاتىدۇ.[يەشمىسى:] ③ مۇزىكا ئەسىرى، ناخشا قاتارلىقلارنىڭ شېئىرى ۋە سۆزلىرى:[مىسال:] لوتپۇللا مۇتەللىپ بولسا ئەينى زاماندا مەكتەپ ناخشىسى تېكىستنى كۆپ يازغان ۋە كۆپ ئاھاڭ ئىجاد قىلىپ، ئۆسمۈرلەرگە ئۆزى بىۋاسىتە ئۆگەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ④ سۆزلەر قىسمى؛ ئەسلىي ئىبارىسى، مەزمۇنى (لۇغەتتە):[مىسال:] لۇغەت تېكىستى.[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] قۇرۇلما جەھەتتىن بىر جۈملىدىن ئوشۇق بولغان، مەنە جەھەتتىن نىسپىي ھالدا تولۇق بولغان ئوي-پىكىر ياكى ئىدىيىنى ئىپادىلىگۈچى تىل بىرلىكى. ئۇ تېكىست تىلشۇناسلىقىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى.

تېكىستچى

  • تېكىستچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇزىكا ۋە ئاھاڭغا تېكىست يېزىپ بەرگۈچى.

تېكىستسىز

  • تېكىستسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېكىستى يوق، تېكىستلەشتۈرۈلمىگەن، تېكىستكە سېلىنمىغان:[مىسال:] تۇرسۇن قانداقتۇر بىر تېكىستسىز ناخشىنى غىڭشىپ ئېيتقان ھالدا تاماكا ئوراپ ئولتۇراتتى.

تېكىستلەشتۈرمەك

  • تېكىستلەشتۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەلۇم ئاھاڭغا ماس شېئىر تاللاپ ياكى يېزىپ، ناخشىغا ئايلاندۇرماق.

تېكىستلەشتۈرۈلمەك

  • تېكىستلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «تېكىستلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مۇقام مۇزىكىلىرى ئۆز دەۋرىدە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ئۇيغۇر شېئىرىيىتى بويىچە تېكىستلەشتۈرۈلدى.

تېكىستلىك

  • تېكىستلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېكىستى بار، تېكىستلەشتۈرۈلگەن:[مىسال:] «ئون ئىككى مۇقام» شېئىرىي تېكىستلىك، چوڭ ھەجىمدىكى مۇزىكىلىق ئەسەر.

تېكىستولوگىيە

  • تېكىستولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+گرېكچە[[يەشمىسى:] تىل-ئەدەبىيات پەنلىرىنىڭ بىر تارمىقى. ئۇ يازما يادىكارلىق، بەدىئىي، تارىخىي ئەسەر، ھۆججەت قاتارلىقلارنىڭ ئەسلىي تېكىستنى بەلگىلەش ياكى ئەسلىي نۇسخىسىغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان تېكىستنى تەييارلاش ۋە تەتقىق قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تېكىستولوگىيىلىك

  • تېكىستولوگىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېكىستولوگىيىگە ئائىت:[مىسال:] تېكىستولوگىيىلىك خۇسۇسىيەت مۇقامنىڭ بىر ئاساسلىق خۇسۇسىيىتى.

تېكىلەتمەك

  • تېكىلەتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يىقىتماق، دۈم چۈشۈرمەك، دومىلاتماق، ئاغدۇرماق.

تېكىنⅠ

  • تېكىنⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] شاھزادە، شاھ ئوغلى.

تېكىنⅡ

  • تېكىنⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مېھنەت قىلمايدىغان، ئەجىر سىڭدۈرمەيدىغان.

تېكىنەك

  • تېكىنەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاقا مىخنىڭ ئۇچىنى قايتۇرىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب.

تېكىنخور

  • تېكىنخور[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشلىمەي، ئەجىر قىلماي باشقىلار ھېسابىغا كۈن كەچۈرگۈچى، تىرىكتاپ ئادەم:[مىسال:] كونا دۇنيانىڭ تېكىنخور، ياچىۋەك، ئەۋرەزلىرى، قامىتىڭدىن بولدى مىڭ لەت، كۆرمىگەن داغىڭنى مەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پارازىت:[مىسال:] تېكىنخور قۇرتلار.

تېكىنخورلۇق

  • تېكىنخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىرىكتاپلىق، پارازىتلىق.

تېگى-تەكتى

  • تېگى-تەكتى[يەشمىسى:] ① كىشىنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئەسلىي زاتى:[مىسال:] لۇتپۇللا ھېلىقى كەلگەن يىگىت بىلەن ئايالنىڭ تېگى-تەكتىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن، كوچىلاپ سورىدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، ماھىيەت:[مىسال:] ئايۇپ ئاكا كۆپ ئويلىغاندىن كېيىن ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى ئەمدىلا چۈشەندى.

تېگى-تېگىدىن

  • تېگى-تېگىدىن[يەشمىسى:] چوڭقۇر قاتلىمىدىن، ماھىيەتتىن:[مىسال:] ماڭا تېگى-تېگىدىن بايلىق ياراشمايدۇ.

تېگىرمەك

  • تېگىرمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تۆگىگە توقۇلغان، ئۈستى تۈز، چومغا گۈمبەز شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان پەردىلىك كاجۇۋا.

تېگىشتۈرمەك

  • تېگىشتۈرمەك[يەشمىسى:] «تېگىشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يېزا كادىرلىرى ھەممە ئەزالارغا سورتلۇق ئۇرۇقلارنى تېگىشتۈردى.

تېگىشتۈرۈلمەك

  • تېگىشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «تېگىشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئايىمخان تېگىشتۈرۈلگەن گىلەمنى سىنچىلاپ كۆرۈۋاتاتتى.

تېگىشكۈسىز

  • تېگىشكۈسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزئارا تېگىشسە قىممىتى ئارتۇق كېتىدىغان، تېگىشىشكە پەقەت كۆزى قىيمايدىغان:[مىسال:] چەت-چېتىگە كۆزى يەتمەس، تەرىپىگە سۆز يەتمەس، خۇددى گۈزەل كەشتىدەك، تېگىشكۈسىز بوستانغا.

تېگىشلىك

  • تېگىشلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىر تەلەپكە مۇۋاپىق، لايىق، ماس كېلىدىغان:[مىسال:] ئۇنىڭغا ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق تېگىشلىك جاۋابلار بېرىلدى.[يەشمىسى:] ② زۆرۈر بولغان، لازىم بولغان:[مىسال:] بۇ ئورۇن قەتئىي ئىشغال قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم جاي ئىدى.[يەشمىسى:] ③ تەۋە، تەئەللۇق:[مىسال:] مەنمۇ ئۆزۈمگە تېگىشلىك نەرسىلەرنى ئەكەتتىم.[يەشمىسى:] ④ مۇناسىۋەتلىك، ئالاقىدار:[مىسال:] ئەكەلگەن نەرسىلەرنى تېگىشلىك جايلىرىغا قويۇپ بولۇپ، ھاممالغا ئىككى تىللا بېرىپتۇ.[يەشمىسى:] ⑤ بەلگىلىك، مۇئەييەن:[مىسال:] تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشىمىز لازىم.[يەشمىسى:] ⑥ تەقسىم بولغان، بۆلۈنگەن:[مىسال:] ئاسىم دەرس ئۈستىدە شىرەلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ، بىر بالىنىڭ شىرەنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك قىسمىنىڭ ئۈستىنى «قارا» بويىۋالغانلىقىنى كۆردى.

تېگىشمەكⅠ

  • تېگىشمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئالماشتۇرماق، يەڭگۈشلىمەك:[مىسال:] ئۇ، تاغىل ئۆكۈزنى كۆرسىتىپ:[مىسال:] ئەگەر ماقۇل بولساڭلار، مۇشنىڭغا 450 سوملۇق تېلېۋىزوردىن بىرنى باشمۇباش تېگىشىمىز، دېدى.

تېگىشمەك

  • تېگىشمەك[يەشمىسى:] ① Ⅱ«تەگمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يەردىن يوقىلىش، بۇ نەرسىلەرگە تېگىشمە، دېدى قارىي ئاكام بالىلارغا ۋارقىراپ.[يەشمىسى:] ② ئۆزئارا تېگىپ تۇرماق:[مىسال:] سۆگەتنىڭ يەرگە ساڭگىلىغان شاخلىرى سۇغا تېگىشىپ تۇراتتى.

تېگىشىلمەك

  • تېگىشىلمەك[يەشمىسى:] «تېگىشمەكⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تورپاققا تېگىشىلگەن كۆك قوچقار ئوت يېمەس چىقىپ قالغاچقا قايتۇرۇلدى.

تېگىل

  • تېگىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەۋە، تەئەللۇق، مەنسۇپ؛ تېگىشلىك:[مىسال:] بىز بۇ دۇنيانىڭ ئۆزىمىزگە تېگىل راھىتىنى قولدىن بەرمەيلى.

تېگىلمەك

  • تېگىلمەك[يەشمىسى:] «تەگمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] خەتتە «بۇلارغا ھەرگىز تېگىلمىسۇن» دېيىلگەن.

تېگىمەك

  • تېگىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئىگە بولماق، ئېرىشمەك.

تېڭىرقاتماق

  • تېڭىرقاتماق[يەشمىسى:] «تېڭىرقىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تېڭىرقاشماق

  • تېڭىرقاشماق[يەشمىسى:] «تېڭىرقىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سادىقنىڭ كېيىنكى سۆزى شۇنچىلىك ئىشەنچ بىلەن جاراڭلىدىكى، ئاڭلاپ كېلىۋاتقانلار تېڭىرقىشىپ بىر-بىرىگە قاراشتى.

تېڭىرقىماق

  • تېڭىرقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھاڭۋېقىپ قالماق، داڭ قېتىپ قالماق، ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ، تەمتىرەپ قالماق:[مىسال:] ئەمدىلىكتە ئۇ «يا جاندىن كەچ، ياكى جاناندىن» دېگەن رەھىمسىز سىناق گىرۋىكىدە بېشى قېتىپ، تېڭىرقىماقتا ئىدى.

تېڭىشماق

  • تېڭىشماق[يەشمىسى:] «تاڭماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھەر ئىككىسى ئوغلىنى توختىماي سۆيۈپ، باغرىلىرىغا مەھكەم تېڭىشاتتى.

تېڭىق

  • تېڭىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېڭىلغان، ئورالغان:[مىسال:] كامال ياتار باش-كۆزى تېڭىق، پەرۋانىدۇر مۇئەللىم ئاڭا. ساۋاقداشلار كېلەر ئۈزۈلمەي، كۆزلىرىگە ياش ئالار ئاتا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جاراھەت ۋە سۇنۇقنى دورا، داكا قاتارلىقلار بىلەن تېڭىش ئىشى:[مىسال:] تېڭىق بۆلۈمى. * ھەش-پەش دېگۈچە، دورا قۇيۇلۇپ تېڭىق پۈتتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئۈستىدىن ئوراپ تاڭغان نەرسە:[مىسال:] − ھەممىسىلا يېنىك يارىلانغانىكەن، تېڭىقلىرىنى يۆتكەپ قويدۇق، − دەپ جاۋاب بەردى زۇمرەت.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ تىڭىلغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئابدۇنىياز ئۇزۇن كەلگەن چىرايلىق ساقىلىنى قولىغا يۆگەپ، بىر تېڭىق يۈك ئۈستىدە جىم ئولتۇراتتى.

تېڭىقچى

  • تېڭىقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىقىپ كەتكەن، سۇنغان ئۇستىخانلارنى تېڭىش، جايىغا كەلتۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغۇچى؛ سۇنۇقچى.

تېڭىقچىلىق

  • تېڭىقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىقىپ كەتكەن، سۇنغان ئۇستىخانلارنى تېڭىش بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى:[مىسال:] قورايدەك ئۇرۇق، ھېلىلىدەك قورۇلۇپ كەتكەن بۇ خوتۇننىڭ ئانىسىدىن ئۇدۇم قالغان تېڭىقچىلىق ھۈنىرىمۇ بار ئىدى.

تېڭىقلىق

  • تېڭىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېڭىپ قويۇلغان، تېڭىلغان:[مىسال:] ھەسەن دولان ئىشىك-دېرىزىلىرى قاغجىراپ كەتكەن پاكار ئۆينىڭ سۇپىسىدا باش-كۆزى تېڭىقلىق ياتاتتى.

تېڭىلماق

  • تېڭىلماق[يەشمىسى:] «تاڭماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] .ئۇنىڭ ئالدىدا باش-كۆزلىرى تېڭىلغان ئىلياس تۇراتتى.

تېڭىقئوتى

  • تېڭىقئوتى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تېڭىق+ئوت+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پاپورتنىكلارنىڭ بىر خىلى. كۆپىنچە دەرەخ غولى ياكى تاش ئۈستىلىرىدە ئۆسىدۇ؛ ئادەتتە يىلتىزسىمان غولى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ سۇنۇق ۋە يارىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى زور.

تېللور

  • تېللور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتاللوئىد ئېلېمېنت. بەلگىسى . (Tellurium)Te كۈمۈشتەك ئاپئاق كرىستال ياكى قوڭۇر رەڭلىك پاراشوك. مېتال ياكى قېتىشما قوشقاندا، ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

تېلېسكوپ

  • تېلېسكوپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىش، سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئوپتىكىلىق ئەسۋاب.

تېلېفون

  • تېلېفون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] توكتىن پايدىلىنىپ، ئىككى جايدىكى كىشىلەرنى ئۆزئارا سۆزلەشتۈرىدىغان قۇرۇلما. ئاساسەن سۆز تارقاتقۇچ، سۆز قوبۇللىغۇچ ۋە ئۆتكۈزگۈچ سىمدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ.

تېلېفونچى

  • تېلېفونچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تېلېفون لىنىيىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە رېمونت قىلىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى تېخنىك خادىم.[يەشمىسى:] ② تېلېفون باش ئاپپاراتىدا ئىشلىگۈچى خادىم.

تېلېفونلاشتۇرماق

  • تېلېفونلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «تېلېفونلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شەھەرلىك پوچتا-تېلگراف ئىدارىسى تەلەپ قىلغان شەخسلەرنىڭ ئائىلىسىنىمۇ تېلېفونلاشتۇردى.

تېلېفونلاشتۇرۇلماق

  • تېلېفونلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تېلېفونلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شەھەر ئائىلىلىرىنىڭ ئۆيلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تېلېفونلاشتۇرۇلدى.

تېلېفونلاشماق

  • تېلېفونلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تېلېفون سىم تانابلىرى قادىلىپ، تېلېفون ئالاقىسى ئورنىتىلماق:[مىسال:] قارلۇق يېزىسىدىكى كەنتلەرنىڭ ھەممىسى تېلېفونلاشتى.

تېلېگراف

  • تېلېگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] تېلېفون، تېلېگرامما ياكى رادىئو ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ مەخسۇس خەۋەر يەتكۈزىدىغان ئالاقە ۋاسىتىسى.

تېلېگرامما

  • تېلېگرامما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① شىفىر ئارقىلىق يېزىق، سۈرەت، گرافىكنى يەتكۈزۈش ئۇسۇلى. ئۇنىڭ سىمسىز تېلېگراف ۋە سىملىق تېلېگراف تۈرى بار.[يەشمىسى:] ② تېلېگرامما ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن، خەۋەر يېزىلغان قەغەز:[مىسال:] تېلېگرامما تاپشۇرۇۋالماق.

تېلېمېتىر

  • تېلېمېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئېلېكتر<[يەشمىسى:] زامانىۋى ئېلېكترونلۇق ھەم ئوپتىكىلىق ئەسۋابلارنى ئىشلىتىپ، يىراقتىكى جىسىملارنى ئۆلچەيدىغان قۇرۇلما.

تېلېۋىزور

  • تېلېۋىزور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئېلېكتر<[يەشمىسى:] تېلېۋىزىيە سىگناللىرىنى سۈرەت ۋە ئاۋاز تەرزىدە قوبۇل قىلىۋېلىپ، كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئاپپارات. سۈرەت قوبۇللىغۇچ ۋە ئاۋاز قوبۇللىغۇچتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ.

تېلېۋىزىيە

  • تېلېۋىزىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]گرېكچە+لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئېلېكتر<[يەشمىسى:] رادىئو دولقۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ، جىسىمنىڭ سۈرىتىنى تارقىتىدىغان قۇرۇلما. تارقىتىش ئىستانىسىدىن جىسىم (ياكى ئادەم)نىڭ سۈرىتى ئېلېكتر ئېنېرگىيە سىگنالىغا ئايلاندۇرۇلۇپ تارقىتىلىدۇ. تېلېۋىزور قوبۇل قىلغان سىگنالنى قايتا سۈرەتكە ئايلاندۇرۇپ، يالتىراق ئېكراندا كۆرسىتىدۇ. تېلېۋىزىيە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلگەندىن سىرت، يەنە تېخنىكا ۋە ھەربىي جەھەتتە كەڭ تۈردە ئىشلىتىلىدۇ.

تېلىقتۇرماق

  • تېلىقتۇرماق[يەشمىسى:] «تېلىقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شائىرنىڭ بۇ سۆزى نابورچىك تۇردىنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرىۋەتتى.

تېلىققاق

  • تېلىققاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسان ۋە كۆپ تېلىقىدىغان:[مىسال:] تېلىققاق ئايال.

تېلىققاقلىق

  • تېلىققاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېلىقىش ئادىتى.

تېلىقماق

  • تېلىقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاتتىق كۈلۈپ ياكى يىغلاشتىن بۇغۇلۇپ، نەپسى قىسىلماق:[مىسال:] يىگىتلەر بىر-بىرىگە دولا قېقىشىپ، گاھىلىرى يۇمىلىنىپ يۈرۈپ، تېلىقىپ كۈلۈشتى.

تېلىقىشماق

  • تېلىقىشماق[يەشمىسى:] «تېلىقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ چاقچىقىدىن ھەممەيلەن كۈلۈپ تېلىقىشىپ كەتتۇق.

تېما

  • تېما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① ئىلمىي تەكشۈرۈش، سۆھبەت، پىكىر، مۇلاھىزە قاتارلىقلاردا مۇھىم نۇقتا قىلىنغان مەسىلە، ئوبيېكت:[مىسال:] ئولتۇرۇش قىزىغانسېرى سۆھبەتنىڭ تېمىسى تېز-تېز ئالماشتى.[يەشمىسى:] ② بەدىئىي ئەسەر، ماقالە، نۇتۇقلارنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئومۇملاشتۇرۇپ تاللانغان ماۋزۇ، سەرلەۋھە:[مىسال:] ئورنىدىن تۇردى ئۇ، دولقۇنلاپ كۆكسى، خىيالچان ئولتۇردى رويال ئالدىدا. قەلەمنى ئالدى-دە، كەلدى ئېسىگە، جەڭگىۋار بىر تېما «كارۋان يولىدا».[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] يازغۇچى تاللىغان ۋە تەسۋىرلىگەن تۇرمۇش ۋەقەلىرى، ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە يورۇتۇلغان مەسىلىلەر:[مىسال:] مۇزەپپەرنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن ھازىرى ھەممە يەردە ھېكايە قىلىنىپ، يېڭى-يېڭى تېمىلارغا ماۋزۇ بولدى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] مۇزىكا ئەسەرلىرى ياكى ئۇنىڭ بىرەر قىسىمغا ئاساس بولغان ئاھاڭ؛ كۈي.

تېماتىكا

  • تېماتىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] تاللاپ ئېلىنغان ۋە ئىشلەنگەن ياكى ئىشلىنىدىغان تېمىلار يىغىندىسى.

تېماتىكىلىق

  • تېماتىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم تېما ئاساسىدىكى، مەلۇم تېمىدا تەييارلانغان:[مىسال:] تېماتىكىلىق پىلان.

تېمبىر

  • تېمبىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاۋازنىڭ دولقۇن تىپى ۋە ئوبىرتوننىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى، ھەر خىل ئاۋازلارنىڭ ئوخشىماسلىقىنى تېمبىرنىڭ ئوخشىماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تېمپا

  • تېمپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] مۇزىكا ئەسەرلىرىنى ئىجرا قىلىشنىڭ تېزلىك دەرىجىسى.

تېمپېراتۇرا

  • تېمپېراتۇرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلۇق دەرىجىسى.

تېمپېراتسىيە

  • تېمپېراتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] مۇقىم ئاۋاز ئېگىزلىكىگە ئىگە بىرمۇنچە ئاۋازلارنىڭ رەتلىنىش قانۇنىيىتى.

تېمپېرامېنت

  • تېمپېرامېنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>پسىخولوگىيە<[يەشمىسى:] ئادەمنىڭ پسىخىكا ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى. ئاساسەن مىجەزنىڭ ئاستا-تېز، كۈچلۈك-ئاجىز، ئىپادىسىنىڭ ئوچۇق ياكى يوچۇن بولۇشى ۋە ھەرىكىتىنىڭ تېز-ئاستا بولۇشى جەھەتلەردە كۆرۈلىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ جىسمانىي تەبىئىتى ئاساسىدا، تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ.

تېمپىلىق

  • تېمپىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېمپىغا تەئەللۇق بولغان، تېمپا جەھەتتىكى:[مىسال:] مۇزىكىدىكى تاكت بىلەن ئۇدار ۋە ئۇلارنىڭ تېمپىلىق سۈرئىتى ئەنە شۇ رىتىم قانۇنىنىڭ ئاساسى ئىپادىلىنىش شەكىللىرى ھېسابلىنىدۇ.

تېمېدا

  • تېمېدا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى، كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئىنچىكە، ئۇزۇن ھەم ئۇچلۇق؛ گۈلى يېشىل كېلىدۇ؛ مېۋىسى قاسىراقلىق مېۋە بولۇپ، رەڭگى قوڭۇر بولىدۇ.

تېمىتقۇچ

  • تېمىتقۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] شكالا ۋە ھەرىكەتلىك پۇرۇپكىسى بولغان ئەينەك نەيچە. ئۇ خىمىيىلىك مىقدار ئانالىزىدا ئىشلىتىلىدۇ.

تېمىتماق

  • تېمىتماق[يەشمىسى:] «تامماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ ئاغزىغا سۇ تېمىتتۇق.

تېمىشماق

  • تېمىشماق[يەشمىسى:] «تامماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تېمىتىلماق

  • تېمىتىلماق[يەشمىسى:] «تېمىتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھەرە چاققان يەرگە تۇز سۈيى تېمىتىلدى.

تېمىلىق

  • تېمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېمىسى بار، تېما بەلگىلەنگەن:[مىسال:] تېمىلىق مۇزىكا.

تېمىم

  • تېمىم[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر قېتىم تامغان ياكى تامىدىغان سۇيۇقلۇق، تامچە.[يەشمىسى:] ② ساناق سانلار بىلەن كېلىپ، تامىدىغان نەرسلەرنىڭ يەنى سۇيۇقلۇقلارنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر تېمىم سۇ.

تېنەپ-تەمتىرەپ

  • تېنەپ-تەمتىرەپ[يەشمىسى:] ① ھودۇقۇپ، ئالاقزاد بولۇپ:[مىسال:] تېنەپ-تەمتىرەپ قاچماق.[يەشمىسى:] ② سەرگەردان بولۇپ:[مىسال:] قاۋۇل ئاكام بىزنى دەپ كەلگەن، بۇ يەردىن چىقىپ كەتسەم نەدە تېنەپ-تەمتىرەپ يۈرىدۇ

تېنەتمەك

  • تېنەتمەك[يەشمىسى:] «تېنىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بالام، مەن ئۆلگەندە سېنى تېنەتمەيدىغان دۇنيا بار، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ باي ئوغلىغا.

تېنەشمەك

  • تېنەشمەك[يەشمىسى:] «تېنىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاتا-ئانىسىدىن يېتىم قالغان بۇ ئاكا-ئۇكا ياقا يۇرتلاردا ئىككى يىل تېنىشىپ يۈرۈشۈپتۇ.

تېنور

  • تېنور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] بىر خىل يەللىك چالغۇ. مىستىن ياسىلىدۇ، ئېغىزى چوڭ، ئادەتتە دۇخوۋوي ئوركېستىرلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ.

تېنىقماق

  • تېنىقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ياتسىرىماق، يىركەنمەك، ئۆزىنى قاچۇرماق.

تېنىمەك

  • تېنىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بارار جايى يوق، تەمتىرەپ، بېشى قېتىپ يۈرمەك؛ سەرسان، سەرگەردان بولماق:[مىسال:] بۈۋى ھەجەرنىڭ بۇ ئەپتىدىن، ئۇزۇندىن بېرى كوچىلاردا تېنەپ يۈرگەن بىر ئايال ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى.[يەشمىسى:] ② ئېزىپ قالماق، يولدىن ئاداشماق:[مىسال:] ئاتلىق كىشى ئۆزىنىڭ تېنەپ قالغانلىقىغا ئىشەندى ۋە دەررۇ ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتتى.

تېئودولىت

  • تېئودولىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] بۇلۇڭ ئۆلچەيدىغان گرادۇسلۇق ئەسۋاب.

تېئورېما

  • تېئورېما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>لوگىكا<[يەشمىسى:] توغرىلىقى ئىسپاتلانغان، پرىنسىپ ياكى قانۇنىيەت ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان ھۆكۈم ياكى فورمۇلا. مەسىلەن، گېئومېترىيە تېئورىمىلىرى.

تېئورىيە

  • تېئورىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] «نەزەرىيە»گە قاراڭ.

تېئوفىللىن

  • تېئوفىللىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] چاينىڭ يوپۇرمىقىدا بولىدىغان بىر خىل ئورگانىك ماددا، يەنى ئاق رەڭلىك كرىستال ھالەتتىكى پاراشوك. چاينى پۇراقلىق تەمگە كىرگۈزىدۇ، ئادەتتە دورا قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.

تېۋەك

  • تېۋەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] رەڭگى قارا، تېنى كىچىك، ئەركەكلىرىنىڭ قانىتى ئالا بىر خىل ياۋا ئۆردەك.

تېۋىپ

  • تېۋىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تومۇر تۇتۇپ بىمارلارنى تەكشۈرىدىغان، ئۆزىگە خاس دورىلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى بولغان تېببىي مۇتەخەسسىس، مىللىي تېبابەت دوختۇرى.

تېۋىپلىق

  • تېۋىپلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېۋىپ قىلىدىغان ئىش، دوختۇرلۇق:[مىسال:] ئەپەندىم تېۋىپلىق قىلىپ ئولتۇرغان كۈنلەردە، ئۇنىڭ ئالدىغا كۆزى ئاغرىغان بىر كىشى كەپتۇ.

تېۋىلغا

  • تېۋىلغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئازغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. يوپۇرمىقى تۇخۇم ياكى ئېللىپس شەكلىدە بولىدۇ؛ ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.

تېۋىلغىلىق

  • تېۋىلغىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېۋىلغا كۆپ ئۆسكەن جاي.

تېۋىندۇرماق

  • تېۋىندۇرماق[يەشمىسى:] «تېۋىنماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ مۇساپىرنى قانچە ئۇرۇپمۇ بۇتقا تېۋىندۇرالماپتۇ.

تېۋىنىشماق

  • تېۋىنىشماق[يەشمىسى:] «تېۋىنماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ خەلق ئۇ چاغدا ئوتقا تېۋىنىشاتتى.

تېۋىنماق

  • تېۋىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سېغىنماق، ئىلتىجا، ئىلتىماس قىلماق، ئىنتىلمەك.[يەشمىسى:] ② چوقۇنماق، سەجدە قىلماق، ئىتىقاد قىلماق، ئىشەنمەك:[مىسال:] كىشىلەر گاھىدا كۈنگە تېۋىنغان، گاھىدا ئوتقا تېۋىنغان، سۇغا تېۋىنغانلارمۇ بولغان.

تېيىز

  • تېيىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئانچە چوڭقۇر ئەمەس:[مىسال:] تېيىز كۆلچەك. * ئاخىر قېيىق دەريانىڭ تېيىز يېرىگە بېرىپ، قۇمغا تەگدى.

تېيىزلاشتۇرماق

  • تېيىزلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «تېيىزلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] لاي سۇ ئېقىۋېرىپ، ئېرىقنى تېيىزلاشتۇرۇۋەتتى.

تېيىزلاشماق

  • تېيىزلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چوڭقۇر ھالەتتىن دۆڭ ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئېرىق تېيىزلىشىپ قالغانلىقتىن، سۇ تېشىپ كېتەي دەپ تۇراتتى.

تېيىزلىق

  • تېيىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېيىز ھالەت.

تېيىلدۇرماق

  • تېيىلدۇرماق[يەشمىسى:] «تېيىلماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن نەۋرەمنى يەكشەنبە كۈنى كاڭكى بىلەن مۇز تېيىلدۇرۇپ ئويناتتىم.

تېيىلغاق

  • تېيىلغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسانلا تېيىلىپ كېتىدىغان، تېيىلدۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە:[مىسال:] بۇنداق قاتتىق يامغۇردا، تېيىلغاق بولۇپ كەتكەن يولدا يۈرۈش تېخىمۇ قىيىنلاشتى.

تېيىلغاقلىق

  • تېيىلغاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېيىلغاق يەر.

تېيىلغۇچ

  • تېيىلغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېيىلىش، سىيرىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان:[مىسال:] تېيىلغۇچ شوتا.

تېيىلماق

  • تېيىلماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سىلىق ياكى تېيىلغاق يەردە ھەرىكەت قىلغاندا، پۇتى ئورناشماي، بىر تەرەپكە سىيرىلىپ كەتمەك:[مىسال:] ئەپەندىم ئۆگزىنىڭ قارىنى تازىلاۋېتىپ تېيىلىپ كوچىغا يىقىلىپ چۈشۈپتۇ-دە، ئورنىدىن تۇرالماي يېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ② جىددىي ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى بىلەن سىلىق مۇز ياكى قار ئۈستىدە سىيرىلىپ ماڭماق:[مىسال:] كاڭكى تېيىلماق. مۇز تېيىلماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىماق، پېشكەللىككە يولۇقماق:[مىسال:] ئانىسى ئوغۇل بالا دەپ تۇغۇپ ئۆستۈرگەن بىر ياخشى يىگىتنىڭ تاسادىپىي تېيىلىپ كېتىشى بولۇپ تۇرىدىغان ئىش.

تېيىلىشماق

  • تېيىلىشماق[يەشمىسى:] «تېيىلماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] دەم ئېلىش كۈنى، ئۇلار كۆلدە مۇز تېيىلىشتى.

تىپ

  • تىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تۈرى، نۇسخىسى:[مىسال:] قان تىپى. يېڭى تىپ. * ئۇلار ھەرقانچە قارا كۆڭۈل بولسىمۇ، بەرىبىر ئادەم تىپىغا كىرىدىغان بولغاچقا، بىرئاز ئويلىنىدىغاندۇر.[يەشمىسى:] ② ئىجتىمائىي، كەسپىي، سىياسىي، ئەخلاقىي ۋە باشقا جەھەتلەردىكى بەلگىلىرى ئوخشىشىپ ياكى يېقىنلىشىپ كېتىدىغان كىشىلەر ۋەكىلى:[مىسال:] تېرىلغۇ تەييارلىقىدا مەيدانغا كەلگەن ئىلغار تىپلارنى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى كېڭەيتىش لازىم.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] مەلۇم ئىجتىمائىي گۇرۇھتىكى كىشىلەرگە خاس خاراكتېرلىك خۇسۇسىيەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرۇلغان بەدىئىي ئوبراز.[يەشمىسى:] ④ ئاساسلىق، روشەن ئالاھىدىلىكلىرى ئورتاق بولغان ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋانلارنىڭ، بىرلەشتۈرۈپ يىغىنچاقلانغان بۆلۈنمىسى. مەسىلەن، ئىپتىدائىي ھايۋانلار تىپى. يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى قاتارلىقلار.

تىپتىكى

  • تىپتىكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر تىپ دائىرىسىدىكى، ئىچىدىكى:[مىسال:] ئۇ كىچىك تىپتىكى ماتور ئىشلىرىغا خېلى پىششىق.

تىپچاق

  • تىپچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. قوي، ئۆچكە قاتارلىق ماللارنىڭ ئەڭ ياخشى ئوتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ شىنجاڭغا كەڭ تارالغان، غولى قەغەز ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.

تىپلىق

  • تىپلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم تىپقا كىرىدىغان، مەلۇم بىر تىپقا مەنسۇپ بولغان:[مىسال:] A تىپلىق قان.

تىپىك

  • تىپىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① مەلۇم تىپتىكى شەيئىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكنى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرگەن:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولغان گۈزەل كۆرۈنۈش ئومۇمەن، ئۆلكە شەھەرنىڭ تىپىك مەنزىرىسى ئىدى.[يەشمىسى:] ② ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان، خاراكتېرلىك:[مىسال:] تىپىك خاراكتېرلىك. تىپىك پېرسۇناژ. تىپىك ئوبراز.

تىپىكلەشتۈرمەك

  • تىپىكلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] ① «تىپىكلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شائىر ئەڭ ياخشىسى تۇرمۇشتىكى بىرەر ۋەقەنى، ئادەملەر ھاياتىدىكى مەلۇم بىر ئىشنى تىپىكلەشتۈرۈپ، ئوبرازلىق تەسۋىرلەپ، ئۈلگە كۆرسىتىشكە تايىنىشى لازىم.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىيات-سەنئەتتە ئومۇمىي غايە ۋە چۈشەنچىلەرنى، ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ماھىيىتىنى تىپىك ئوبرازلار ۋاسىتىسى بىلەن بەدىئىي ئۇسۇلدا ئومۇملاشتۇرۇپ ئىپادىلىمەك.

تىپىكلەشتۈرۈش

  • تىپىكلەشتۈرۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] يازغۇچى، سەنئەتكارنىڭ تۇرمۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش، تىپىك بەدىئىي ئوبراز يارىتىش جەريانى ۋە ئۇسۇلى.

تىپىكلەشتۈرۈلمەك

  • تىپىكلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «تىپىكلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] خەلق ئاممىسى سەنئەتچىلەردىن تىپىكلەشتۈرۈلگەن ئوبرازلىق ئويۇنلارنى كۆپرەك قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

تىپىكلەشمەك

  • تىپىكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تىپىك ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] يېزىلىق ھۆكۈمەت ئەخمەت ئاكامنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىكى تىپىكلەشكەن ئىش-پائالىيەتلىرىنى يەكۈنلىدى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئومۇملاشتۇرۇلغان، مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن ھالدا گەۋدىلەنمەك:[مىسال:] بۇنىڭ بىلەن موللا زەيدىن ئوبرازى تېخىمۇ تىپىكلەشكەن، تېخىمۇ غايىۋى تۈس ئالغان.

تىپىكلىك

  • تىپىكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تىپىك ھالەت:[مىسال:] قاراڭغۇ نەرسىلەر بولغاندىمۇ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە، تىپىكلىككە ئىگە بولىدىكەن.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئومۇملۇق بىلەن خاسلىقنىڭ بەدىئىي ئوبرازدا بىرلىككە كېلىشى.

تىت

  • تىت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] سۇناي قاتارلىقلاردىن چىققان، ئىنچىكە ئاۋاز.

تىتاڭ

  • تىتاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غول، ئوق:[مىسال:] تىتاڭ تومۇر.

تىتان

  • تىتان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت، بەلگىسى.(Titanium)Ti كۈمۈشتەك ئاپئاق، ئەۋرىشىم ھەم يېنىك، چىرىتىشكە چىداملىقى كۈچلۈكرەك ئالاھىدە قېتىشما. پولات ئىشلەشتە پايدىلىنىدۇ.

تىت-تىت

  • تىت-تىت[يەشمىسى:] كىشى كەيپىياتىنىڭ دىققەتتە بولۇش، تاقەتسىزلىنىش ھالىتى:[مىسال:] ئەتراپتا تۇرغان كادىر، جەڭچىلەر، بولۇپمۇ ئابدۇۋاھىتنىڭ ئىچى سەپدىشى ئۈچۈن تىت-تىت ئىدى.

تىترات

  • تىترات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] چاقماق سىزىقلىق دەپتەر.

تىترەتمە

  • تىترەتمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىترەپ چىقىدىغان، تىترىتىشتىن ھاسىل بولغان:[مىسال:] تىترەتمە ئاۋاز.

تىترەتمەك

  • تىترەتمەك[يەشمىسى:] «تىترىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كامىلنىڭ سۆزلىرى دىلبەرنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىۋەتتى.

تىترەشمەك

  • تىترەشمەك[يەشمىسى:] «تىترىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قاسقان شەپكىلىك چېرىكلەر قورقۇپ تىترىشىپ ئۇنىڭ ئەتراپىغا چۈمۈلىدەك ئولىشىۋالغانىدى.

تىترەك

  • تىترەك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سوغۇق، قورقۇش، ماغدۇرسىزلىق ياكى بىرەر كېسەللىك سەۋەبىدىن بەدەننىڭ ئىختىيارسىز لاغىلداپ سىلكىنىش ھەرىكىتى:[مىسال:] سەن ئاۋۋال چايدىن ئوتلىغىن، تىترەكنى باسىدۇ، دېدى بوۋاي.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دولقۇنلىنىپ تىترەپ چىقىدىغان (ئاۋاز ھەققىدە):[مىسال:] قويۇۋەتكىن دېدى بەختىگۈل تىترەك ئاۋاز بىلەن.

تىترەڭگۈ

  • تىترەڭگۈ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىترەپ، دولقۇنلىنىپ چىقىدىغان:[مىسال:] تىترەڭگۈ ئاھاڭ. تىترەڭگۈ ئاۋاز.

تىترەڭگۈلۈك

  • تىترەڭگۈلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىترەڭگۈ ھالەت:[مىسال:] ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ تىترەڭگۈلۈكى ۋە دولقۇنسىمانلىقى دەسلەپكى ناخشىسىدىنلا بايقالدى.

تىترىگەك

  • تىترىگەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىترەپلا تۇرىدىغان، تىترەيدىغان:[مىسال:] دادا، سەن قارلىغاچنى تۇتۇپ يامان قىلدىڭ، قۇلۇڭ تىترىگەك، بېشىڭ گىلدىڭلىغاق بولۇپ قالارمۇ

تىترىگۈچى

  • تىترىگۈچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىترەش ئارقىلىق ھاسىل بولىدىغان:[مىسال:] تىترىگۈچى تاۋۇشلار.

تىترىمەك

  • تىترىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سوغۇق، قورقۇش، ماغدۇرسىزلىق ياكى كېسەللىك قاتارلىقلارنىڭ سەۋەبىدىن بەدەن ئىختىيارسىز ھالدا لاغىلدىماق، دىرىلدىمەك:[مىسال:] نامان تۈلكە جان ئۈزۈۋاتقان ئۆلۈكتەك جالاقلاپ تىترەپ، تەسلىكتە بېشىنى كۆتۈردى.[يەشمىسى:] ② لەرزىگە كېلىپ سىلكىنمەك، تەۋرەنمەك:[مىسال:] ئون نەچچە مىڭ كىشىلىك قاتار سەپلەرنىڭ ئاياغ تاۋۇشلىرى گۈرسۈلدەپ، يەرلەر تىترەيتتى.[يەشمىسى:] ③ ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ، دولقۇنلىنىپ چىقماق:[مىسال:] ئانىنىڭ ئاۋازى ئىختىيارسىز تىترەپ چىقتى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قورقماق:[مىسال:] جەڭگىۋار يىللاردا شېئىرىڭ بولدى بىر ئۆتكۈر قىلىچ، تىترىدى ياۋلار تامام كۆرگەنسېرى كۈچ-قۇدرىتىڭ.

تىتقۇچلىماق

  • تىتقۇچلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئارقا-ئارقىدىن تارتىش، تىتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلماق.

تىتقۇزماق

  • تىتقۇزماق[يەشمىسى:] «تىتماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆيدە تىتقۇزۇپ قويۇلغان خوتەننىڭ كۈزەم يۇڭىدىن بار. بالىنىڭ تويىغا چوڭراق بىر گىلەم توقۇتۇپ قوياي.

تىتىقلىماق

  • تىتىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاختۇرماق، كوچىلىماق.

تىتما

  • تىتما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىتىپ ئۇششاقلانغان، تىتىلغان:[مىسال:] تىتما گۆش.

تىتما-تالاڭ

  • تىتما-تالاڭ[يەشمىسى:] تىتىلغان، تالانغان ھالەت:[مىسال:] تىتما-تالاڭ قىلماق.

تىتما-تىتما

  • تىتما-تىتما[يەشمىسى:] يىرتىلغان، تىتىلغان، پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەن:[مىسال:] ئۇنىڭ ئېرىنىڭ كۆڭلەكلىرى تىتما-تىتما بولۇپ كېتىپتۇ.

تىتماسلىماق

  • تىتماسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر تۇتۇپ، بىر قويۇپ بېرىپ، بىر تاتىلاپ، بىر كوچىلاپ، مۇقىمسىز ھەرىكەت قىلماق:[مىسال:] ئەكبەر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ ئەيمىنىپ قارىدى، ئاندىن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، خىجىللىق ئىچىدە تىرنىقىنى تىتماسلىدى.

تىتماق

  • تىتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① غۇژمەكلەشكەن، كىرىشىپ كەتكەن نەرسىلەرنى بىرمۇبىر ئايرىپ، تالا-تالا، پارچە-پارچە قىلماق:[مىسال:] گۆشنى تىتماق. يۇڭ تىتماق. پاختا تىتماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئازاب سالماق، ئاغرىتماق:[مىسال:] بولدى سەن مېنىڭ يۈرىكىمنى تىتما، مەن كېتىمەن.

تىتما-كاتاڭ

  • تىتما-كاتاڭ[يەشمىسى:] تىتما-تىتما:[مىسال:] رەيھان بىلەن ئانار پېشايۋاننىڭ سۇپىسىدا ئولتۇرۇپ، ۋاراقلىرى تىتما-كاتاڭ بولۇپ كەتكەن بالىلار كىتابىدىكى رەسىملەرنى كۆرۈشۈۋاتاتتى.

تىتمىلاتماق

  • تىتمىلاتماق[يەشمىسى:] «تىتمىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تىتمىلاشماق

  • تىتمىلاشماق[يەشمىسى:] «تىتمىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تىتمىلانماق

  • تىتمىلانماق[يەشمىسى:] «تىتمىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تىتمىلىماق

  • تىتمىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىتما-تىتما قىلماق، تىتىپ پارچىلىماق:[مىسال:] ئۇ پولۇ ئۈستىگە بېسىلغان، مەززىلىك پىشقان گۆشنى قولىدىلا تىتمىلاشقا باشلىدى.

تىتول

  • تىتول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] كىتابنىڭ ئىسمى، ئاپتورى، نەشىر قىلىنغان ۋاقىت ۋە نەشىر قىلغۇچى ئورۇن كۆرسىتىلگەن بىرىنچى بەت.

تىتىتلىماق

  • تىتىتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تىل ئۇچىنى چايناپ بەزى تاۋۇشلارنىڭ ئورنىغا «ت» نى تەلەپپۇز قىلىپ سۆزلىمەك، كېكەچلىمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىر گەپنى تولا تەكرارلاپ ئەزمىلىك قىلماق:[مىسال:] تولا تىتىتلىماي دەيدىغان گېپىڭنى تېزراق دېمەمسەن

تىتىشماق

  • تىتىشماق[يەشمىسى:] «تىتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قولى ئەپچىللەر قويلارنى بىر-بىرلەپ تۇتۇپ قىرقىشتى، قېرىلار تىتىشتى، بالىلار ئۇزۇن چىۋىقلار بىلەن ساۋاشتى.

تىتىلدىماق

  • تىتىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر ئىشتىن ئەنسىرەپ خاتىرجەمسىزلەنمەك، تىت-تىت بولماق، تاقەتسىزلەنمەك؛ تەقەززا بولماق:[مىسال:] ئۇ ئىدارىنىڭ شوپۇرلىرىنى ئىزدىمەكچى بولدى، بىراق مەن تىتىلداپ كەتتىم.

تىتىلماق

  • تىتىلماق[يەشمىسى:] «تىتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆي ئىچى ئادەم چۆچۈگۈدەك ۋەيرانە ئىدى. يوتقان-كۆرپىلەر سۆكۈلۈپ، ھەتتا پاختىلىرىمۇ تىتىلىپتۇ.

تىتىم

  • تىتىم[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىتىش، پارچىلاشتىن ھاسىل بولغان بۆلەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ، مىقدارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر تىتىم پاختا.

تىتىملاتماق

  • تىتىملاتماق[يەشمىسى:] «تىتىملىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تىتىملاشماق

  • تىتىملاشماق[يەشمىسى:] «تىتىملىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تىتىملانماق

  • تىتىملانماق[يەشمىسى:] «تىتىملىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تىتىملىماق

  • تىتىملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چىمدىپ تىتىم-تىتىمىغا ئايرىماق:[مىسال:] بىز دېھقان خەق، دەيتتى دېھقان بۇرۇتلىرىنى تىتىملاپ تۇرۇپ، يەر تېرىيمىز، ئاش ئالىمىز، لېكىن ئاچ قالىمىز.

تىتىندى

  • تىتىندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىتىلىپ كەتكەن، تىتىلغان نەرسە.

تىجارەت

  • تىجارەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سودا-سېتىق:[مىسال:] تىجارەت دۇكىنى. تىجارەت كىنىشكىسى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پۇل تېپىش، مەنپەئەتكە ئېرىشىش بىلەن شۇغۇللىنىش:[مىسال:] دوختۇرلار كەچ كىرىشى بىلەنلا قارتا ئويناشقا چۈشۈپ كېتەتتى، ئاغرىقلارنى داۋالاشنى بىر خىل تىجارەت دەپ قارايتتى.[يەشمىسى:] ③ پۇل مۇئامىلە (بانكىدا):[مىسال:] جىلىل بوۋاي قىستىلىپ، مىڭ تەسلىكتە ئاران ئۈستەل ئالدىغا يېقىن بارالىدى ۋە بانكىنىڭ تىجارەت خادىمىگە 110 يۈەن پۇلنى شۇ پېتىچىلا تۇتقۇزۇپ قويدى.

تىجارەتچى

  • تىجارەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى؛ سودىگەر.

تىجارەتچىلىك

  • تىجارەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىجارەت ئىشى.

تىرⅠ

  • تىرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ئات-ئېشەكلەرنى چاقىرىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.

تىرⅡ

  • تىرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قەغەز، رەخت قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ يىرتىلىشى ياكى شامال كۈچى بىلەن تىترىشىدىن چىققان ئاۋاز.

تىراژ

  • تىراژ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] كىتاب، ژۇرنال، گېزىت قاتارلىقلارنىڭ بېسىلىپ چىققان نۇسخىسىنىڭ سانى:[مىسال:] «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»نىڭ 1-تومىنىڭ تىراژى 7000 قىلىپ بېكىتىلدى.

تىراژلىق

  • تىراژلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىراژغا ئىگە بولغان، تىراژى بار:[مىسال:] «شىنجاڭ ياشلىرى» ئەڭ كۆپ تىراژلىق ژۇرناللارنىڭ بىرى.

تىرەتمەك

  • تىرەتمەك[يەشمىسى:] «تىرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تىرەجەشمەك

  • تىرەجەشمەك[يەشمىسى:] «تىرەجىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار قاتتىق ئىتتىرىشىپ، تىرەجىشىپ بېرىپ، قۇرۇت قۇرۇتىدىغان جاھازىلارنى ئۆرۈۋەتكىلى تاس قالدى.

تىرەجىمەك

  • تىرەجىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە پۇتىنى تىرەپ تۇرۇۋالماق، بىرنەرسىنى تىرەك قىلىپ تايىنىپ تۇرماق:[مىسال:] باياتىن شۇنچە ھەيۋە قىلغان بارات ئەمدى ھە دەپ كەينىگە تىرەجەيتتى.

تىرەشمەك

  • تىرەشمەك[يەشمىسى:] «تىرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئات ئۈستىدە پۇتلىرىنى ئۈزەڭگىگە تىرىشىپ، بىرئاز كۆتۈرۈلۈپ يىراققا قاراشقا باشلىدى.

تىرەك

  • تىرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى يۆلەپ، كۆتۈرۈپ، تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن قويۇلىدىغان مەلۇم ئۇزۇنلۇقتىكى ياغاچ، تۆمۈر قاتارلىق نەرسىلەر:[مىسال:] بىز شېخىنى كۆتۈرەلمەي تىرەك قويۇۋەتكەن. شاپتۇللۇق، ئالمىلىقلاردىن ئۆتۈپ، يۇمران كۆچەتلىككە كەلدۇق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغان، ياردەم بېرىدىغان كۈچ، ھىمايىچى:[مىسال:] چەتنىڭ پايلاقچىسى شەيخ بىلەن ئۇنىڭ ئىككى شېرىكىنى تۇتۇشلا يەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئوردىدىكى كونا تىرىكىنى يوقىتىش كېرەك.

تىرەكسىز

  • تىرەكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىرىكى يوق، تىرەك قويۇلمىغان:[مىسال:] مەن، بۇ دۇنيادا يالغۇز، تىرەكسىز بىر يېتىم، بۇ بىر بەختسىزلىك-دە ∥ ئۇ ھەش-پەش دېگۈچە ئۇدۇلدىن كەلگەن دۈشمەننى ئوڭ قولى بىلەن تىرەكسىز نىشانلاپ ئېتىپ موللاق ئاتقۇزۇۋەتتى.

تىرەكلىك

  • تىرەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىرىكى بار، تىرەك قويۇلغان:[مىسال:] سۇلايماننىڭ ھويلا تېمىغا يوغان بىر ياغاچ تىرەكلىك تۇراتتى.

تىرەلمەك

  • تىرەلمەك[يەشمىسى:] «تىرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] گۈلنار دوستىنىڭ كېلىشىنى بىلگەندەك، ئاق ياستۇققا تىرىلىپ ئىشىككە قاراپ ياتاتتى.

تىرەنمەك

  • تىرەنمەك[يەشمىسى:] «تىرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئالىقانلىرىدا ئېڭىكىنى يۆلەپ، جەينەكلىرىگە تىرىنىپ، دېرىزىدىن كىمدۇر بىرىنى كۈتكەندەك قاراپ ئولتۇراتتى.

تىرت

  • تىرت[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ھارۋىكەشلەر قامچە سىلكىگەندە ئېيتىدىغان، ئات ياكى ئېشەكنى ھەيدەش، تېز مېڭىشقا ئۈندەش ئىماسىنى بىلدۈرىدىغان سۆز:[مىسال:] ھارۋىكەشلەر قامچا سىلكىپ تىرت دەپ كېلىشەر، پولات چىۋىق، سېمونتلارنى يۆتكەپ كېلىشەر.

تىرتەك

  • تىرتەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئالدىراڭغۇ؛ ئاسان ئاچچىقلىنىپ قالىدىغان، تېرىككەك:[مىسال:] تىرتەك ئادەملەر ئاخىرى مىخقا ئۈسۈۋالىدۇ.

تىرتەكلىك

  • تىرتەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالدىراڭغۇلۇق، تېرىككەكلىك.

تىر-تىرⅠ

  • تىر-تىرⅠ[يەشمىسى:] ئات-ئېشەكلەرنى توختىتىش، چاقىرىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.

تىر-تىرⅡ

  • تىر-تىرⅡ[يەشمىسى:] «تىرⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

تىرس

  • تىرس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] چۈرۈك، نېپىز نەرسىلەرنىڭ يېرىلىشى ياكى ئىنچىكە، قاتتىق نەرسىلەرنىڭ ئۈزۈلۈشى، سۇنۇشىدىن ھاسىل بولغان كۈچسىز ئاۋاز:[مىسال:] سىرتتا، تۈن كېچىدە بىراۋنىڭ چىت قومۇشىدىن بىر تالنى «تىرس» قىلىپ ئوشتۇغىنى ئاڭلاندى.

تىرسسىدە

  • تىرسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «تىرس» قىلىپ، «تىرس» قىلغان ھالدا:[مىسال:] رەشىدەم دىققەتسىزلىكتىن قىزىق دەزمالنى جوزا ئۈستىدىكى ئەينەككە قويۇشىغىلا، تىرسسىدە قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى-دە، ئەينەككە دەز كەتتى.

تىرسىلداتماق

  • تىرسىلداتماق[يەشمىسى:] «تىرسىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆگزىدىكى قۇرىغان بۇغداي ئۆنچىلىرىنى نېمىدۇربىرنەرسە تىرسىلداتقىلى تۇردى.

تىرسىلداشماق

  • تىرسىلداشماق[يەشمىسى:] «تىرسىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قاتتىق يامغۇر ۋە شامالدىن سىرتقى دېرىزە ئەينەكلىرى تىرسىلدىشاتتى.

تىرسىلدىماق

  • تىرسىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «تىرس-تىرس» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «تىرس» قىلماق:[مىسال:] ئاپتاپقا قاقلانغان دۇمباقنىڭ تېرىسى تۇرۇپ-تۇرۇپ تىرسىلداپ قوياتتى.

تىركەتمەك

  • تىركەتمەك[يەشمىسى:] «تىركىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تىركەشتۈرمەك

  • تىركەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «تىركەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تىركەشمەك

  • تىركەشمەك[يەشمىسى:] ① «تىركىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىككىسى قوللىرىنى ۋە پۇتلىرىنى يەرگە تىركىشىپ دەس تۇرۇشتى.[يەشمىسى:] ② قارشىلىق كۆرسەتمەك، قارشىلاشماق، ئېلىشماق:[مىسال:] ئىشىنىمەنكى، خەق جەزمەن تىركىشىدۇ، غوۋغا چىقىدىغانلىقى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ③ پۈتۈن كۈچى ۋە تىرىشچانلىقىنى ئىشقا سالماق، تىرىشماق:[مىسال:] ئۇ ئورنىدىن تۇرۇشقا تىركىشىپ باقتى، لېكىن تىكەنلىك ئارقان بىلەن ماتىلىپ قالغاندەك ئورنىدىن تۇرالماي قالدى.[يەشمىسى:] ④ ئاچچىقلىشىپ قالماق، زىتلاشماق، قارشىلىشىپ قالماق:[مىسال:] مودەنگۈل ئالدىنقى يىلى ئوغۇت توپلاش ۋاقتىدىمۇ، سۇلايمان سۇخەنچى بىلەن بىر قېتىم تىركىشىپ قالغانىدى.[يەشمىسى:] ⑤ كەينىگە داجىماق، ماڭماي تۇرۇۋالماق:[مىسال:] ئۇ بىر داۋاننىڭ تۈۋىدىكى ئېقىنغا كەلگەندە، ئۆتكىلى ئۇنىماي تىركىشىپ تۇرۇۋالدى.

تىركەلمە

  • تىركەلمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئىسىم ياكى ئىسىم رولىدىكى سۆزگە قوشۇلۇپ، ئۇ سۆزنىڭ جۈملە ياكى سۆز بىرىكمىسىدىكى باشقا سۆزلەر بىلەن بولغان ھەر خىل مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرىدىغان ياردەمچى سۆز. مەسىلەن، «ئۈچۈن، ئارقىلىق، قاتارلىق، قەدەر، بىلەن»گە ئوخشاش سۆزلەر.

تىركەلمەك

  • تىركەلمەك[يەشمىسى:] «تىركىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ماقالىدا ئاساسىي مەزمۇنلار بىرقانچە كىچىك تېما ۋە تارماقلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەربىرىگە بىرقانچىدىن مىسال تىركەلگەن.

تىركىمەك

  • تىركىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تىرىمەك:[مىسال:] بالا ھارۋىدىن ئېشەكنى چىقىرىپ، ھارۋىنى ئىشىككە تىركەپ توختىتىپ قويدى.[يەشمىسى:] ② قوش??قويماق، بىرىكتۈرمەك:[مىسال:] ھۆججەتنى تىركىمەك.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىلاۋە قىلماق، قوشۇمچە قىلىپ يازماق، كىرگۈزمەك:[مىسال:] ئىزاھقا مىسال تىركىمەك.

تىرگەن

  • تىرگەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېلىن، ئېگىز قىر:[مىسال:] ئادەملەرنى بولسا تىرگەن سوقۇپ بېرىشكە قوي. يەر تەييار بولسا بولغىنى، بىر تەرەپتىن ئوسا قىلىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن تېرىۋېرىمىز.

تىرماشماق

  • تىرماشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەھكەم يېپىشىپ، يامىشىپ ھەرىكەت قىلماق؛ تىرىشماق:[مىسال:] دېدى بالام ئوقۇغىن، چوڭ بولغاندا تىرىشىپ. ئۆرلە ھارماي بىلىمنىڭ، چوققىسىغا تىرمىشىپ.

تىرمىلاتماق

  • تىرمىلاتماق[يەشمىسى:] «تىرمىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تىرمىلاشماق

  • تىرمىلاشماق[يەشمىسى:] ① «تىرمىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىككىسى تىللاشقاندىن كېيىن، چاچ-ياقىلىرىدىن ئېلىپ، يۈزلىرىنى تىرمىلاشتى.[يەشمىسى:] ② ھەرىكەت قىلىپ كۆرمەك، تىرىشىپ باقماق:[مىسال:] ئۇ شۇ كۈنى كەچكىچە ئېتىزلىقتا تىرمىلاشتى، لېكىن ئىش ئاۋۇمىدى.

تىرمىلانماق

  • تىرمىلانماق[يەشمىسى:] «تىرمىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈز-كۈزلىرى تىرمىلانغانىدى.

تىرمىلىماق

  • تىرمىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىرناقنى پاتۇرۇپ تاتىلىماق.

تىرناⅠ

  • تىرناⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇپراقنى يۇمشىتىدىغان ۋە يەرنى تەكشىلەيدىغان دېھقانچىلىق سايمىنى. ئۇنىڭ تۆمۈر چىشلىق تىرنا، دىسكىلىق تىرنا دېگەن خىللىرى بولىدۇ.

تىرناⅡ

  • تىرناⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېلىقنىڭ يىڭنىدەك كىچىك ۋاقتى.

تىرناتماق

  • تىرناتماق[يەشمىسى:] «تىرنىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىز كەلگۈچە ئانارنى تىرنىتىپ، تەخسىگە ئېلىپ قويۇشتى.

تىرناشماق

  • تىرناشماق[يەشمىسى:] «تىرنىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ياشانغان ئاياللاردىن بەشى ئۇرۇقلۇق قوناقنى زەخىملەندۈرمەي تىرناشماقتا ئىدى.

تىرناق

  • تىرناق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بارماق ئۇچىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى گۆشكە يېپىشقان مۈڭگۈزسىمان قىسمى:[مىسال:] تىرناق ئالماق. تىرنىقى ئۆسمەك.[يەشمىسى:] ② بەزى ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ پۇت، پەنجىلىرىنىڭ ئۇچىدىكى ئۆتكۈر مۈڭگۈزسىمان قىسمى:[مىسال:] بۈركۈتنىڭ ئۆتكۈر تىرنىقى تۈلكىنىڭ كۆزىگە پاتتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زۇلۇم، قىيىن-قىستاق:[مىسال:] قىز شۇنداق قىلىپ 60 ياشلىق پومېشچىكنىڭ تىرنىقىدا مىجىلدى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئارىفمېتىكىلىق ياكى ئالگېبرالىق ئىپادىدە بىرقانچە سان ياكى ئەزانىڭ بىرىكىش مۇناسىۋىتى ۋە ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە. ئۇنىڭ كىچىك تىرناق ()، ئوتتۇرا تىرناق[]، چوڭ تىرناق {} دېگەن تۈرلىرى بار. ئوتتۇرا تىرناق كىچىك تىرناقنىڭ سىرتىغا، چوڭ تىرناق ئوتتۇرا تىرناقنىڭ سىرتىغا قويۇلىدۇ. ھېسابلاش ئالدى بىلەن كىچىك تىرناق ئىچىدىن باشلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تىنىش بەلگىسى. شەكلى ماتېماتىكىدىكى كىچىك تىرناق () بىلەن ئوخشاش، ئاساسلىقى تېكىست ئىچىدىكى ئىزاھ قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ يەنە يالاڭ تىرناق<>، قوش تىرناق « » تۈرلىرىمۇ بار.

تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدىمەك

  • تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدىمەك[يەشمىسى:] يۇقىلاڭ ئىشتىن كەمچىلىك تېپىپ، باشقىلارنى ناھەق، يولسىز ئەيىبلىمەك:[مىسال:] ئىمىن ئۇنىڭ بەزى كەمچىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بەرسە، ئۇ «تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەۋاتىدۇ»، «پادا باققاندا دوست بولۇپ، ياڭاق چاققاندا ئايرىلغان ئوخشايمىز» دەپ گۇمانلىنىپ يۈردى.

تىرناقتا توختايدىغان

  • تىرناقتا توختايدىغان[يەشمىسى:] ناھايىتى ياخشى، ياراملىق كېلىشكەن، چىرايلىق:[مىسال:] سەمەتكە قاراڭلار، ئۇ تىرناقتا توختايدىغان بىر قىز تېپىپتۇ.

تىرناقچە

  • تىرناقچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كىچىككىنە، ناھايىتى كىچىك، ئاز:[مىسال:] ئىشىك ئالدى تالىڭىز، يىراقتا قاپتۇ يارىڭىز. يارىڭىزنى كۆرگۈچە، تىرناقچە قاپتۇ جانىڭىز.

تىرناقچىلىك

  • تىرناقچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىچىككىنە، ئازراق:[مىسال:] مۇھەببەت مېنى ئېزىپ، خاراب قىلىۋەتتى. تىرناقچىلىك غۇرۇرۇممۇ قالمىدى.

تىرناقسىز

  • تىرناقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تىرنىقى چىقىپ كەتكەن، تىرنىقى يوق:[مىسال:] ئابلىزنىڭ ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقى تىرناقسىز بولۇپ، ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى ئەسلەتتى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تىرناق ئىچىگە ئېلىنمىغان، تىرناق ئىشلىتىلمىگەن:[مىسال:] تىرناقسىز ئىپادە.

تىرناقگۈل

  • تىرناقگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تىرناق+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئادەتتە دورا ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ سۈيدۈك ھەيدەش، تەرلىتىش، روھلاندۇرۇش، ھەيزنى راۋان قىلىش قاتارلىق روللىرى بار.

تىرناقلاتماق

  • تىرناقلاتماق[يەشمىسى:] «تىرناقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تىرناقلاشماق

  • تىرناقلاشماق[يەشمىسى:] «تىرناقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىككى خوتۇن تىللاشقانسېرى يەنە ئەزۋەيلەپ، ياقا سىقىشىپ، يۈزلىرىنى تىرناقلىشىپ كەتتى.

تىرناقلانماق

  • تىرناقلانماق[يەشمىسى:] «تىرناقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ يۈزىنىڭ تىرناقلانغانلىقىنى بىلدۈرمەسلىككە تىرىشاتتى.

تىرناقلىق

  • تىرناقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىرنىقى بار، تىرناققا ئىگە:[مىسال:] ئىشىك بېشىدا چىلبۆرىنىڭ ئۇزۇن، ئۆتكۈر تىرناقلىق ئىككى پۇتى پەيدا بولدى.

تىرناقلىماق

  • تىرناقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىرناقلىرىنى پاتۇرۇپ تاتىلىماق، تىرنىقى بىلەن تاتىلىماق:[مىسال:] يۈزىنى تىرناقلىماق.

تىرنالماق

  • تىرنالماق[يەشمىسى:] «تىرنىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.

تىرنىلاتماق

  • تىرنىلاتماق[يەشمىسى:] «تىرنىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تىرنىلاشماق

  • تىرنىلاشماق[يەشمىسى:] «تىرنىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تىرنىلانماق

  • تىرنىلانماق[يەشمىسى:] «تىرنىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەتىياز كىرىشى بىلەن كۈزگىلەر تىرنىلىنىپ، ئوغۇتلىنىپ قولدىن چىقتى، شورلىرى تازىلاندى.

تىرنىلىماق

  • تىرنىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىرنا سېلىپ، تۇپراق ئۈستىدىكى چالمىلارنى ئېزىپ يۇمشاتماق:[مىسال:] توڭ ئېرىشى بىلەن رەھىم ئاكام كۈزگىلىرىنى تىرنىلاشقا كىرىشتى.

تىرنىماق

  • تىرنىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىرناق ياكى ئۇچلۇق نەرسە بىلەن دانە-دانە قىلىپ ئاجراتماق:[مىسال:] ئانارنى تىرنىماق. قوناقنى تىرنىماق.

تىرىباران

  • تىرىباران[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① ئوق ياغدۇرۇش.[يەشمىسى:] ② ۋەيران، بىتچىت:[مىسال:] تىرىباران قىلماق.

تىرىپ

  • تىرىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاينىتىپ شىرنىسى ئېلىنغان ياكى ئېچىتىلغان سۇيۇقلۇقلارنىڭ چۆكمىسى، سۈزۈندىسى:[مىسال:] شىرنىنىڭ تىرىپى. ئاچچىقسۇنىڭ تىرىپى.

تىرىپلىماق

  • تىرىپلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىرىپنى سۈزۈپ، سىقىپ ئايرىۋالماق:[مىسال:] سىركىنى تىرىپلىماق.

تىرىجان

  • تىرىجان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېلىقنىڭ تۇخۇمدىن يېڭى ئايرىلغان بالىسى.

تىرىپىرەن

  • تىرىپىرەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قالايمىقانلىشىپ ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن، ۋەيران:[مىسال:] تىرىپىرەن بولماق. تىرىپىرەن قىلماق.

تىرىشچان

  • تىرىشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەرقانداق ئىشنى ئەستايىدىل تىرىشىپ ئىشلەيدىغان، ھەرىكەتچان، تىرىشقاق:[مىسال:] تىرىشچان بالا.

تىرىشچانلىق

  • تىرىشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىرىشچان كىشىلەرگە خاس ھەرىكەت ۋە غەيرەت:[مىسال:] شۇنچە تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلگىنىگە قارىماي، سانائەت-قاتناش ئىدارىسى پارتكومى رەيھانەمنى خىزمىتىدىن قالدۇرۇۋەتتى.

تىرىشقاق

  • تىرىشقاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەرقانداق ئىشنى ئەستايىدىل، تىرىشىپ ئىشلەيدىغان، تىرىشچان:[مىسال:] بۇ بالا ئۆگىنىشتە ناھايىتى تىرىشقاق، كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگۈدەك دەرىجىدە ساغلام ئىدى.

تىرىشقاقلىق

  • تىرىشقاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىرىشقاق كىشىلەرگە خاس غەيرەت:[مىسال:] بۇ غۇنچە بوي، ساددا قىزنىڭ ئىشچان ۋە تىرىشقاقلىقى ھە دېگەندىلا دوختۇر-سېستىرالارغا يېقىپ قالدى.

تىرىشماق

  • تىرىشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن، بارلىق كۈچىنى چىقىرىپ ئىشلىمەك، ئەستايىدىل ئىشلىمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈمسىرەپ تۇرغان لەۋلىرىمۇ بۇلارنى يوشۇرۇپ قېلىشقا تىرىشاتتى.

تىرىشىپ-تىرمىشىپ

  • تىرىشىپ-تىرمىشىپ[يەشمىسى:] بارلىق كۈچ-غەيرىتى بىلەن ئەستايىدىل ئىشلەپ:[مىسال:] ئىككىسى نەچچە ئون يىل تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەپ، بەختنىڭ قۇيرۇقىنى تۇتۇۋېلىشقا تەمشىلىپ يۈرۈپ، ئاخىرى ئۇنىڭغا يېتىشەلمەي ياشلىق ئۆمرىنى تۈگەتتى.

تىرىق

  • تىرىق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئىككى قاتتىق، يەڭگىل نەرسىنىڭ بىر-بىرىگە تېگىپ كېتىشىدىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] مەن «تىرىق» قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپلا ئويغىنىپ كەتتىم.

تىرىق-تىرىق

  • تىرىق-تىرىق[يەشمىسى:] «تىرىق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

تىرىققىدە

  • تىرىققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «تىرىق» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ:[مىسال:] ئادەملەر شۇنچىلىك ئېھتىياتچان بولۇپ كەتتىكى، تىرىققىدە قىلغان ئاۋازدىن چۆچۈپ تىترەيتتى.

تىرىقلاتماق

  • تىرىقلاتماق[يەشمىسى:] «تىرىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىراۋ ئىشىكنى تىرىقلاتتى.

تىرىقلاشماق

  • تىرىقلاشماق[يەشمىسى:] «تىرىقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تىرىقلىماق

  • تىرىقلىماق[يەشمىسى:] «تىرىق» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] ھويلىنىڭ تۆمۈر ھالقىلىق دەرۋازىسى خۇددى چاشقان كىتىرلىغاندەك ئاڭلىنار-ئاڭلانماس تىرىقلىدى.

تىرىكⅠ

  • تىرىكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۆلمىگەن، ياشاپ تۇرۇۋاتقان، جانلىق:[مىسال:] تىرىك مال. تىرىك بېلىق. * تىرىك بولساق بىر يەردە بىز، ئۆلۈك بولساق بىر گۆردە بىز (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئېقىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] تىرىك سۇ. شال ئۇرۇقى چېچىلىپ، تىرىك سۇ بېرىلىدىغان چاغدا ئۆستەڭدە سۇ بولمىدى.[يەشمىسى:] ③ ئېزىلىپ كەتمىگەن:[مىسال:] پولۇنىڭ سەۋزىسى خېلى تىرىك چىقىپتۇ.[يەشمىسى:] ④ جۇشقۇن، تېتىك، جانلىق:[مىسال:] ئوغلىڭىز خېلى تىرىك، چېچەن بالا بوپتۇ.

تىرىكⅡ

  • تىرىكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] كىچىك نەرسىنىڭ چوڭ قاتتىق نەرسىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈشى، ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] شىرە ئۈستىدە «تىرىك» قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ قالدى.

تىرىكە

  • تىرىكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ئۈستىگە سىزىقچىلار چىقىرىپ، چىڭ توقۇلغان پاختا رەخت.

تىرىكتاپ

  • تىرىكتاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تىرىك+تاپ[[يەشمىسى:] «تەييارتاپ»قا قاراڭ:[مىسال:] ئاھ، بالا خىيالغا پاتتى مۇڭلىنىپ، راستتىنلا بۇ ئالەم يارالغان شۇنداق تىرىكتاپ ئاق نان يەپ، ئاش تەرگەن دېھقان، بولامدۇ بىر ئۆمۈر بۇرنىدىن بۇلاق

تىرىكتاپلىق

  • تىرىكتاپلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «تەييارتاپلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] تىرىكتاپلىق قىلماق.

تىرىك-تىرىك

  • تىرىك-تىرىك[يەشمىسى:] «تىرىكⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] چوڭ ئېلىپ ماڭغىن قەدەمنى پەللىگە، قىر ئاشالمايسەن مېڭىپ «تىرىك-تىرىك».

تىرىكچىلىك

  • تىرىكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇرمۇش كەچۈرۈش، جان بېقىش، ياشاش:[مىسال:] تىرىكچىلىك قىلماق.

تىرىكلىك

  • تىرىكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھايات كەچۈرۈش، ھاياتلىق:[مىسال:] بىرلىك بولماي تىرىكلىك بولماس (ماقال).

تىرىڭ

  • تىرىڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] نېپىز مېتال بۇيۇم ياكى سىم تارلارنى يەڭگىل چېكىشتىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] زوق بىلەن چېلىنغان تەمبۇرنىڭ «تىرىڭ» قىلىپ ئۈزۈلگەن ئاۋازى ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

تىرىڭ-تىرىڭ

  • تىرىڭ-تىرىڭ[يەشمىسى:] «تىرىڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

تىرىڭڭىدە

  • تىرىڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «تىرىڭ» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ:[مىسال:] بالا قولىدىكى تۆمۈر قۇتىنى تىرىڭڭىدە تاشلاپ قويدى.

تىرىڭلاتماق

  • تىرىڭلاتماق[يەشمىسى:] «تىرىڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مىرزا گېپىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، راۋابنى قولىغا ئېلىپ تىرىڭلاتتى.

تىرىڭلىماق

  • تىرىڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نېپىز مېتال ياكى سىم تارلار «تىرىڭ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «تىرىڭ-تىرىڭ» قىلماق:[مىسال:] راۋابىم تىرىڭلايدۇ، تارىسى ئالتۇنمىكىن. تويىمىز قىزىپ كەتتى، قەلبىمىز يالقۇنمىكىن.Ⅸ机?تۈرى: ەاش بارمىقى تىرناقسىز بولۇپ، ماڭا مۇنداق بىجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بالا ئايلىنىۋاتقان چاققا كىچىككىنە چىۋىقنى تۇتۇپ تىرىلداتقىلى تۇردى.

تىرىلداشماق

  • تىرىلداشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «تىرىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تىرىلدۈرمەك

  • تىرىلدۈرمەك[يەشمىسى:] ① «تىرىلمەك» پېئلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تەلۋىنى قورقۇتماق-ئۆلۈكنى تىرىلدۈرمەك (ماقال).[يەشمىسى:] ② زىياننى، يوقالغان نەرسىنى تۆلىتىۋالماق:[مىسال:] ئادىلنى يوق قىلىش — رەيھانەمنى ئاغدۇرۇش دېگەن سۆز، رەيھانەم غۇلاپ كەتسە، 70 پرسەنت ئەمەس، 700 پىرسەنتنى تىرىلدۈرۈۋالغىلى بولىدۇ.

تىرىلدۈرۈلمەك

  • تىرىلدۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «تىرىلدۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆلگەننىڭ تىرىلدۈرۈلگىنى يوق.

تىرىلدىماق

  • تىرىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «تىر-تىر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «تىر-تىر» قىلماق.

تىرىلمەك

  • تىرىلمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قايتىدىن جان كىرمەك:[مىسال:] قەمەرخان، يۈگۈر ئۇكام، سەن بېرىپ جالالىدىن مۇدىرغا ئېيت، پىلىلەرنىڭ ھەممىسى تىرىلدى.[يەشمىسى:] ② ھوشىغا كەلمەك، ھەرىكەت قىلىشقا باشلىماق (ئۆلدى دەپ قارالغان جانلىق ھەققىدە):[مىسال:] ئۈچ كۈن ئۈلۈكتەك كۆزىنى ئاچماي ياتقان بەندە نېمىدىندۇر كۆزىنى ئېچىپ تىرىلىپ، بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلەشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ③ قايتىدىن كۆكەرمەك، ياشارماق:[مىسال:] گۈلگە سۇ قۇيۇپ بىر ئاز سايىدا قويۇۋىدىم، خېلى تىرىلدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقماق، پەيدا بولماق:[مىسال:] «كاپىتالىزم تىرىلىپ قالامىكىن» دېگەنگە ئوخشاش ئەندىشىلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭى سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

تىرىليون

  • تىرىليون[سۆز تۈركۈمى:] سان.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] مىڭ مىليارد.

تىرىمەك

  • تىرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① نەرسىنى بىرەر ھالەتتە يۆلەپ، كۆتۈرۈپ، تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن باشقا بىرنەرسىنى تىرەپ قويماق:[مىسال:] قوشنىمىز سەل قىيسايغان ئارا تامغا چوڭ بىر بالا ياغاچنى تىرەپ قويغانىكەن.[يەشمىسى:] ② بىر نەرسىنى يەنە بىر نەرسىگە تەگكۈزمەك:[مىسال:] ئالماس لەيلىگۈل بىلەن مۈرىلىرىنى بىر-بىرىگە تىرىگەن ھالدا شەھەر كوچىسىنى بويلاپ، ئالدىراپ كېتىۋاتاتتى.

تىرياق

  • تىرياق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە>گرېكچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] زەھەر قايتۇرغۇچى دورا:[مىسال:] زەھەرلىك يىلان چاققان كېسەللىكلەرگە تېبابىتىمىزدە قەدىمدىن تاتىپ تىرياق بېرىلىدۇ.

تىز

  • تىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پۇتنىڭ پۈكۈلىدىغان، يوتا بىلەن شىراق تۇتاشقان جاينىڭ ئالدىنقى قىسمى:[مىسال:] بۇغراخان ئوڭ تىزىنى قوچقارنىڭ قورسىقىغا قويۇپ، تۇمشۇقىدىن تۇتۇپ بېشىنى كەينىگە قايرىدى.[يەشمىسى:] ② ئىشتان، شىم قاتارلىقلارنىڭ تىزنى قاپلاپ تۇرغان قىسمى:[مىسال:] ئىشتاننىڭ تىزى يىرتىلىپ كەتتى.

تىز پۈكمەك

  • تىز پۈكمەك[يەشمىسى:] باش ئەگمەك، بويسۇنماق، تەسلىم بولماق:[مىسال:] مەۋلاننىڭ «كەلگۈسى» توغرىسىدىكى ئاجايىپ رىۋايەتلىرى ئالدىدا، رۇقىيەم ئاخىرى تىز پۈكتى.

تىز چۆكمەك

  • تىز چۆكمەك[يەشمىسى:] بويۇن ئەگمەك، تەسلىم بولماق، تىز پۈكمەك.

تىزاپ

  • تىزاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بوياقلارنىڭ تالالارغا يېپىشىشىغا ياردەم بېرىدىغان ۋاسىتىچى ماددا. كۆپرەك قوللىنىدىغانلىرى ئاليۇمىن تۇزى، خروم تۇزى ۋە تاننات كىسلاتاسى قاتارلىقلار.

تىزباسقۇ

  • تىزباسقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تىز+باسقۇ[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تويدا قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىغا قويۇلىدىغان نەرسە.

تىزتارتقۇ

  • تىزتارتقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تىز+تارتقۇ[[يەشمىسى:] بۆشۈككە سېلىنغان بوۋاقنىڭ پۇتىنى كۆرپە بىلەن يۆگەپ، ئۈستىنى تاڭىدىغان، يىپ باغلانغان ئۇزۇن لاتا.

تىزدۇرماق

  • تىزدۇرماق[يەشمىسى:] «تىزماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تاش تىزدۇرماق.

تىزغا

  • تىزغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چايانئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يەر ئاستىدا شار شەكلىدىكى ئاق رەڭلىك كىچىك تۈگۈنەك غولى بولۇپ، دورا قىلىنىدۇ.

تىزگاھ

  • تىزگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھەر خىل تاۋارلار تىزىپ قويۇلىدىغان جاھاز:[مىسال:] ھاكىم تىزگاھ ئالدىغا كەلدى-دە، تىزگاھتىكى نەپىس بۇيۇملارغا كۆز يۈگۈرتتى.

تىزگىن

  • تىزگىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يۈگەننىڭ ئېغىزدۇرۇق ھالقىسىغا چېتىلغان، ئات-ئۇلاغلارنى يېتىلەش، قاڭتۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان ئۇزۇن تاسما:[مىسال:] ئالماس قۇلىقىغا ئىشەنمىگەندەك، ئاستىدىكى بوز ئاتنىڭ تىزگىنىنى ئىتتىك تارتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ۋاسىتىلىرى:[مىسال:] مەتقاسىم بىر قوي ئۆلتۈرۈپ قىلىنغان بىر ئاخشاملىق زىياپەتتىن كېيىنلا، كۆكتاتچىلىق گۇرۇپپىسىنىڭ تىزگىنىنى پۈتۈنلەي قولىغا ئالدى.

تىزگىننى تۇتماق

  • تىزگىننى تۇتماق[يەشمىسى:] باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ئىشلىرىنى كونترول قىلىپ تۇرماق.

تىزگىنسىز

  • تىزگىنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «يۈگەنسىز»گە قاراڭ:[مىسال:] تىزگىنسىز قاش دەرياسى ئەسىرلەردىن بېرى توسۇن ئارغىماقتەك چاپچىپ، ئۆز مەيلىچە ئاققانىدى.

تىزگىنلەتمەك

  • تىزگىنلەتمەك[يەشمىسى:] «تىزگىنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تىزگىنلەشمەك

  • تىزگىنلەشمەك[يەشمىسى:] «تىزگىنلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تىزگىنلەنمەك

  • تىزگىنلەنمەك[يەشمىسى:] «تىزگىنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] باغلار ھۆددىگە بېرىلدى، نەچچە يىللاردىن بۇيان قوشباغنى بوزەك قىلغان ھاشارات ئاپىتى تىزگىنلەندى.

تىزگىنلىمەك

  • تىزگىنلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇلاغلارنى تىزگىن بىلەن باغلىماق، باشقۇرماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆز دائىرىسىدە باشقۇرماق، ئىدارە قىلماق، كونترول قىلماق:[مىسال:] ئۇ قەيەردە قول سانائەتنى تىزگىنلىۋالسا، شۇ يەردە كونا قول سانائەتنى يوقاتتى.[يەشمىسى:] ③ مەلۇم چەكتىكى ھالەتنى ۋە نورماللىقنى ساقلاپ قالماق:[مىسال:] نوپۇسنى تىزگىنلىمەك. تۇپراق نەملىكىنى تىزگىنلىمەك.[يەشمىسى:] ④ مەلۇم ھالەتنىڭ كۆپىيىپ، كېڭىيىپ زىيان سېلىشىنى توسماق، چەكلىمەك:[مىسال:] قۇمنى تىزگىنلىمەك. ئاپەتنى تىزگىنلىمەك.[يەشمىسى:] ⑤ خالىغانچە ھەرىكەت قىلالمايدىغان ھالدا كونترول قىلماق، چەكلىمەك، توسماق:[مىسال:] ئورمانچىلىق دۈيى پىلاننىڭ سىرتىدا ئورمان كېسىشنى قاتتىق تىزگىنلىدى.

تىزلاتماق

  • تىزلاتماق[يەشمىسى:] «تىزلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تىزلاشماق

  • تىزلاشماق[يەشمىسى:] «تىزلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تىزلاق

  • تىزلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۇتقا سالىدىغان بىر خىل جازا قورالى:[مىسال:] زىندان تېمى ئېگىز ئىكەن، چۆرىسى چىتلاق. سەن يارىمنى كۆرەي دېسەم، پۇتۇمدا تىزلاق.

تىزلامچاⅠ

  • تىزلامچاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] تىزنى ئاسراش ئۈچۈن رەختتىن ئىشلەنگەن ياكى توقۇلغان بۇيۇم؛ تىزلىق.

تىزلامچاⅡ

  • تىزلامچاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] باغ باغلىغاندا بىر پۇتقا كىلىدىغان بىر پۇچقاقلىق ئىشتان.

تىزلانماق

  • تىزلانماق[يەشمىسى:] ① «تىزلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تۈنۈگۈنكى ماجىرادا بىقىنلىرى تىزلانغانلىقتىن، نەپەس ئېلىشى تەسلەشكەن گۈلنىسا بىر يەردە تۈگۈلۈپ ياتتى.[يەشمىسى:] ② تىزىنى پۈكۈپ، پەللىكىنى ئىككى تېقىمىغا قويۇپ ئولتۇرماق:[مىسال:] ئۇ تىزلىنىپ شاھقا تەزىم قىلىپتۇ.[يەشمىسى:] ③ بىر پۇتى بىلەن يۈكۈنۈپ، يەنە بىر پۇتىنىڭ تىزىنى تىكلىمەك:[مىسال:] تىزلىنىپ ئولتۇرماق.

تىزلىق

  • تىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تىزلىنىپ ئولتۇرغاندا، تىزنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن تىزنىڭ ئاستىغا قويۇلىدىغان يۇمشاق، قېلىن تۆشەك:[مىسال:] خان ھەمراھلىرى بىلەن ساكيامۇنىنىڭ ئالدىدا يەرگە سېلىپ قويۇلغان تىزلىققا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئاۋۋال سەجدە قىلدى.[يەشمىسى:] ② تىزنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن تىزغا كىيدۈرۈلىدىغان، توقۇلغان ياكى رەختتىن تىكىلگەن بۇيۇم؛ تىزلامچا:[مىسال:] ئۇنىڭ پۇتى كېسىلگەندىن كېيىن تىزلىق كىيىپ، تىزى بىلەن ماڭدى.

تىزلىماق

  • تىزلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىزى بىلەن نىقتىماق، تىزى بىلەن باسماق:[مىسال:] باتۇرخان ئۇنىڭ دۈمبىسىگە تىزلاپ تۇرۇپ، قوللىرىنى ئارقىسىغا قايرىپ، تامغا ئېسىلغان ئۇزۇن ماتا لۆڭگە بىلەن قاتتىق باغلىدى.

تىزما

  • تىزما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يانمۇيان تىزىلغان:[مىسال:] سۇ ئامبىرى ئوتتۇرىسى كەڭ، ئاياغ تەرىپى تارايغان ئىككى تىزما تاغنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان.

تىزماقⅠ

  • تىزماقⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىپقا ئۆتكۈزۈپ تىزىلغان نەرسە:[مىسال:] سۆزلەر ئالمىچىنىڭ ئاغزىدىن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تىزماق مېغىزدەك تىزىلىپ چىقاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ، تىزىق ھالىتىدىكى مىقدارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر تىزماق مېغىز.

تىزماقⅡ

  • تىزماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يىپ، سىم قاتارلىق نەرسىلەرگە ئۆتكۈزۈپ تىزىق ھالىتىگە كەلتۈرمەك:[مىسال:] ئۆينىڭ ئۇدۇلىدىكى تۈۋرۈككە، بىر يىپقا تىزىلغان مىس داچەن ئېسىقلىق تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② كىشىلەر ياكى نەرسىلەرنى قاتار، يانمۇيان قىلىپ مەلۇم تەرتىپتە ئورۇنلاشتۇرماق:[مىسال:] ئادەتتە سۈت ئالىدىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ سۈت قاچىلىرىنى كەچتە ئۇنىڭ بوتكىسىنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويۇشىدىكەن.[يەشمىسى:] ③ تاللاپ، تۈزەشتۈرۈپ دەستە ھالىتىگە كەلتۈرمەك:[مىسال:] سىڭلىم شۇ چاغ شادلىقتىن، سۆزلەپ كەتتى توختىماي:[مىسال:] تىزدىم ئاكا، بۇ گۈلنى، باغ ئىچىدىن چارچىماي.[يەشمىسى:] ④ ھەربىرىنى مۇناسىپ، تېگىشلىك ئورۇنغا قويماق، جايلاشتۇرماق:[مىسال:] ھەرپ تىزماق.[يەشمىسى:] ⑤ بىرىنىڭ ئارقىسىدىن يەنە بىرىنى ئۆزلۈكسىز كەلتۈرمەك، جايلاشتۇرماق:[مىسال:] يائاللا قىزىم، شۇنچە گەپ-سۆزلەرنى تىزىپ چىققۇچە مېڭەڭ قانداقمۇ چىدىغاندۇ

تىزىشتۇرماق

  • تىزىشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىزىش ئىشىنى ئېلىپ بارماق؛ تىزىلغاندەك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلماق:[مىسال:] ئۇ ئۈستەللەرگە ئۇنى-بۇنى تىزىشتۇرۇپ يۈرەتتى.

تىزىشماق

  • تىزىشماق[يەشمىسى:] «تىزماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] گۈلدەستە تىزىشماق.

تىزىق

  • تىزىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تىزىلغان:[مىسال:] ئۈمىدىم ئۈزۈلگەن سەندىن ھەي كاززاپ يادىڭدا قىلمىشىڭ تارىخىي تىزىق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىپ قاتارلىق نەرسىلەرگە ئۆتكۈزۈلگەن نەرسىنىڭ ھەربىر بۆلىكى:[مىسال:] مارجاننىڭ تىزىقى بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ، تىزىق ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر تىزىق مارجان.

تىزىقچە

  • تىزىقچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىچىك تىزىق.

تىزىقلىق

  • تىزىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىزىپ، رەتلەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ تىزىپ قويۇلغان، تىزىلغان:[مىسال:] پېشايۋان ئاستىدىكى ئېرىق بويىدا، قاچىدا ئۆستۈرۈلگەن رەڭگارەڭ گۈللەر تىزىقلىق تۇراتتى.

تىزىلدۇرماق

  • تىزىلدۇرماق[يەشمىسى:] «تىزىلماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارنى شەھەرلىك 1-دوختۇرخانىغا تىزىلدۇرۇپ ئاپاردى.

تىزىلماق

  • تىزىلماق[يەشمىسى:] ① «تىزماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىدا گۈل ئۈستىدىكى ئۇششاق شەبنەم دانلىرىدەك تەر تامچىلىرى تىزىلىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② «تىزماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] غېرىب بىلەن شاھى ئابباس ۋە نۆكەرلەر رولىنى ئالغان ئارتىسلار كۇلۇب ئالدىغا تىزىلىپ، خەلقنىڭ كۇلۇبقا كىرىۋېلىشىغا يول ھازىرلاپ بەردى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆز ئالدىدا گەۋدىلەنمەك:[مىسال:] سابىرنىڭ كۆز ئالدىدىن نىياز قۇرباننىڭ بەش بارماقتەك ئېنىق بولغان تارىخى تىزىلىپ ئۆتتى.

تىزىم

  • تىزىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم ۋە شەيئىلەرنىڭ ئىسمى، مىقدارى ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرى قۇرمۇقۇر، رەتلىك تىزىلغان يازما مەلۇمات، جەدۋەل:[مىسال:] سىز تويلۇقنى جەزمەن تىزىم بويىچە قايتۇرۇپ كېلىڭ.

تىزىملاتماق

  • تىزىملاتماق[يەشمىسى:] «تىزىملىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ قاتاردا سۇپىتايمۇ مىللىي ئارمىيىگە كىرىش ئۈچۈن ئۆزىنى تىزىملاتتى.

تىزىملاشماق

  • تىزىملاشماق[يەشمىسى:] «تىزىملىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئوقۇتقۇچىلار دەرستىن كېيىن ئائىلىلەرگە بېرىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، بىرمۇبىر تىزىملاشتى.

تىزىملانماق

  • تىزىملانماق[يەشمىسى:] «تىزىملىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تىزىملاندى جايلاردىن پۈتۈن ئەرلەر، قالدى ئايال، بالىلار، مۆتىۋەرلەر.

تىزىملىك

  • تىزىملىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىزىم يېزىلغان قەغەز، دەپتەر، خاتىرە:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكى.

تىزىملىماق

  • تىزىملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئادەم ۋە شەيئىلەرنىڭ ئىسمى، مىقدارى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرىنى رەتلىك قىلىپ يازماق ياكى جەدۋەلگە ئورۇنلاشتۇرماق:[مىسال:] نۇردۇن ئاكا مېنىمۇ تىزىملاپ قويغىن، كىتابتا دېيىلگەنلەرنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلاپ كېتەي.

تىشلىق

  • تىشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاتنىڭ چىشى ئۈستىگە تارتىپ قويۇلىدىغان قوشۇمچە يۈگەن.

تىغ

  • تىغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قىلىچ، خەنجەر، پىچاق، نەيزە قاتارلىق پولات-تۆمۈردىن سوقۇلغان ئەسۋابلارنىڭ ئومۇمىي نامى:[مىسال:] تىغ كۆتۈرمەك. تىغ تەگكۈزمەك.[يەشمىسى:] ② تۈرلۈك قورال، ھەر خىل ئەسۋاب، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنىڭ كەسكۈچى قىسمى، پىچىقى: پىچاقنىڭ تىغى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىش-ھەرىكەت، پائالىيەت، گەپ-سۆز، ماقالە، ئەسەر قاتارلىقلارنىڭ يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىش، زەربە بېرىش خاراكتېرىنى ئالغان ئاساسى، مۇھىم نۇقتىسى:[مىسال:] ئەخمەتجان قاسىمى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تىغ ئۇچى ئىستىبدات ھۆكۈمەتكە قارىتىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يالغۇز، يېگانە، تەنھا:[مىسال:] قاسىم ئاكا، يالغۇز تۇرامسىز ھەئە، دېدى ئۇ داستىخان سېلىۋېتىپ، خوتۇن-بالىلىرىم تۇرپاندا، ھازىر مەنمۇ سىزدەك تىغ جان.

تىغ تەگمىگەن

  • تىغ تەگمىگەن[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھېچ نەرسە چېقىلمىغان، پاك:[مىسال:] ئۇ دائىم مەيدىسىگە ئۇرۇپ: «پۇللا بولسا، تىغ تەگمىگەن قىزدىن نەچچىنى ئالىمىز تېخى» دەپ كۆرەڭلەيتتى.

تىغچى

  • تىغچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پىچاق، ئۇستىرا قاتارلىق تىغلىق سايمانلارنى سوققۇچى.[يەشمىسى:] ② ئات-ئۇلاغلارنى تاقىلىغاندا، قېقىلغان مىخنىڭ ئۇچىنى كېسىدىغان قەلەم.

تىغچىلىق

  • تىغچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىچاق، ئۇستىرا قاتارلىق كېسىش سايمانلىرىنى سوقۇش، ياساش كەسپى.

تىغسىمان

  • تىغسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىچاق قاتارلىقلارنىڭ تىغ قىسمىغا ئوخشاش.

تىغلىق

  • تىغلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يېنىدا تىغى بار، پىچاق، قىلىچ، نەيزە قاتارلىق ئەسۋابلار بىلەن قوراللانغان:[مىسال:] تىغلىق چەۋەندازلاردىن كېيىن ئوقيالىقلار ئۆتتى.[يەشمىسى:] ② تىغى، بىسى بار:[مىسال:] ئىككى تىغلىق پىچاق. تىغلىق سايمانلار.

تىغمۇتىغ

  • تىغمۇتىغ[يەشمىسى:] ئوچۇق-ئاشكارا، بىۋاسىتە، ئۇدۇلمۇئۇدۇل؛ دەلمۇدەل:[مىسال:] تىغمۇتىغ ئېلىشماق.

تىف

  • تىف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] «كېزىك»كە قاراڭ.

تىقتۇرماق

  • تىقتۇرماق[يەشمىسى:] «تىقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قادىرئاكام ئوغۇللىرىغا تاغارلارغا سامان تىقتۇردى.

تىقتۇرۇلماق

  • تىقتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تىقتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كارىۋات ئاستىغا تىقتۇرۇلغان خالتىلار ئەمدى بىر-بىرلەپ ئېچىلىشقا باشلىدى.

تىقما

  • تىقما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىچىگە بىرەر نەرسىنى نىقتاپ، لىق تىقىلغان:[مىسال:] تىقما تاغار پاختا.

تىقما-تىقما

  • تىقما-تىقما[يەشمىسى:] ھەممە يېرى ئادەم، ئاپتوموبىل قاتارلىقلار بىلەن تىقىلىپ تولۇپ كەتكەن، بوش جايى قالمىغان:[مىسال:] مال بازىرىدىن قايتىپ چىقىۋاتقان رەپىق ئاكا، بازاردىكى تىقما-تىقما كىشىلەر ئارىسىدا باخشىنىڭ قارامتۇل چىرايىنى كۆرۈپ قالدى.

تىقما-تىقماق

  • تىقما-تىقماق[يەشمىسى:] «تىقما-تىقما»غا قاراڭ:[مىسال:] مەيدان تىقما-تىقماق ئادەملەر بىلەن تولغان ئىدى.

تىقما-تىقمىچىلىق

  • تىقما-تىقمىچىلىق[يەشمىسى:] ئادەم، ئاپتوموبىل قاتارلىقلار بىلەن لىق تولغان ھالەت، قىستىلاڭچىلىق.

تىقماق

  • تىقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرنەرسىنى يەنە بىرنەرسىنىڭ ئىچىگە، ئارىسىغا ياكى تېگىگە كىرگۈزمەك، سالماق، جايلاشتۇرماق:[مىسال:] قولنى يانچۇققا تىقماق.[يەشمىسى:] ② بىرنەرسىنىڭ ئاغزىغا، تۆشۈكىگە يەنە بىر نەرسىنى كەپلەپ قويماق:[مىسال:] بۇرنىغا پاختا تىقماق. ئاغزىغا تىقماق.[يەشمىسى:] ③ ئۇچلۇق نەرسىنى كۈچ بىلەن سانجىماق، سانجىپ كىرگۈزمەك:[مىسال:] نەيزە تىقماق.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىش، ئەمەل، ئورۇنغا زورمۇزور ئورۇنلاشتۇرماق:[مىسال:] ھېلىقى ساقى دېگەن نائەھلى ياسىن ھاكىمنىڭ قىزىنى ھەبىبەنىڭ ئورنىغا تىقىۋاپتىكەن ئەمەسمۇ

تىقىشتۇرماق

  • تىقىشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنى يىغىپ-تۆشەپ، بىرنەرسىنىڭ ئىچىگە جايلاشتۇرماق:[مىسال:] نامان تۈلكە ئورنىدىن قوپىدىغان چاغدا، كۆرپىنىڭ ئاستىغا بىرنەرسىنى تىقىشتۇرغاندەك قىلدى.

تىقىشتۇرۇشماق

  • تىقىشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «تىقىشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تىقىشتۇرۇلماق

  • تىقىشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تىقىشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ماتېرىياللار ئاللىقانداق يەرلەرگە تىقىشتۇرۇلدى.

تىقىشماق

  • تىقىشماق[يەشمىسى:] «تىقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى ئالبوملىرىنى ئالدىراپ تىقىشتى.

تىقىقلىق

  • تىقىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تىقىپ قويۇلغان، تىقىلغان:[مىسال:] ئۆگزىگە چىقىپ قارىسام مورىغا پاخال تىقىقلىق تۇرۇپتۇ.

تىقىلما

  • تىقىلما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مەلۇم نەرسە ئىچىگە تىقىلىپ، ئېتىلىپ قالغان شەيئى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] قىزىل تومۇرنىڭ توسۇلۇشىدىن توقۇلمىلارنىڭ ئۆلۈشى.

تىقىلماق

  • تىقىلماق[يەشمىسى:] ① «تىقماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] چەينەك جوغىسىدا شاما تىقىلىپتۇ.[يەشمىسى:] ② تار، كىچىك، چوڭقۇر جايغا كىرىپ، قىسىلىپ قالماق، كەپلەشمەك:[مىسال:] تونۇرغا تىقىلىپ قالماق. شورغا تىقىلماق.[يەشمىسى:] ③ كۆپ توپلىنىپ قىستا-قىستاڭ بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] ئاشۋاقتى بولار-بولمايلا بازارغا ئادەم تىقىلىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ④ ئىچى-ئىچىدىن توشۇپ ئەت ئالماق، قاتتىق سەمرىمەك:[مىسال:] سەمرىپ تىقىلماق.[يەشمىسى:] ⑤ قاپلىماق، توسۇلماق:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى.

تىقىلىشماق

  • تىقىلىشماق[يەشمىسى:] «تىقىلماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆي-ماكانسىز كىشىلەر چوڭ شەھەرلەردىكى كەمبەغەللەر مەھەللىسىگە تىقىلىشتى.

تىقىم-تىقىم

  • تىقىم-تىقىم[يەشمىسى:] بوش جايى قالمىغان، تىقما-تىقما.

تىقىندۇرماق

  • تىقىندۇرماق[يەشمىسى:] «تىقىنماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تىقىنماق

  • تىقىنماق[يەشمىسى:] «تىقماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.

تىكⅠ

  • تىكⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇقىرىغا قاراپ تۈپتۈز ئورۇنلاشقان، تىكلەنگەن:[مىسال:] تىك چوققا. ∥ تىك تۇتماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئىككى تۈز سىزىق ئۆزئارا كېسىشىپ تىك بۇلۇڭ ھاسىل قىلغاندا، بۇ ئىككى تۈز سىزىق ئۆزئارا تىك بولىدۇ. بۇ چۈشەنچىنى بىر تۈز سېزىق بىلەن بىر تەكشىلىكنىڭ ياكى ئىككى تەكشىلىكنىڭ تىك بولىدىغانلىقىغا كېڭەيتىشكە بولىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇقىرىدىن تۆۋەنگە يانتۇلاشماي، قىيالاشماي چۈشكەن ۋە شۇنداق ئويۇلغان، كولانغان:[مىسال:] تىك قۇدۇق. تىك قىيا. تىك پەلەمپەي.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئۇدۇل، تۈپتۈز، رۇس، ئېگىلمەي:[مىسال:] تىك ئولتۇرماق. باشنى تىك تۇتماق.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تىكىلگەن ھالدا:[مىسال:] كىچىكئاخۇن: مەن كۆتۈرە ئالاي، دەپ قۇدرەتئاخۇنغا تىك قارىدى.

تىكⅡ

  • تىكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] كىچىك ۋە قاتتىق بىرنەرسىنى يەنە بىر قاتتىق نەرسە ئۈستىگە تەگكۈزۈش، چىكىش، تاشلاشتىن چىققان ئاۋاز.

تىكەن

  • تىكەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غول-شاخلىرىدا ئۆسكەن يىڭنىسىمان بىخچە.[يەشمىسى:] ② تىكەنلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆزى.[يەشمىسى:] ③ بەزى ھايۋانلارنىڭ ئىنچىكە، يىڭنىسىمان ئورگىنى:[مىسال:] كىرپە تىكىنى بىلەن ماختىنار (ماقال).[يەشمىسى:] ④ نەرسىلەرنىڭ ئۆتكۈر تىكەنسىمان قىسمى:[مىسال:] توسۇق سىملىرىنىڭ تىكىنى ئۇنىڭ شىمىنى ئىلىۋالدى.[يەشمىسى:] ⑤ قۇرۇتىلىدىغان ئۈزۈمنى ئاسىدىغان ئۇزۇن بادرا ياغاچ.

تىكەنسىز

  • تىكەنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىكىنى يوق، تىكىنى بولمىغان:[مىسال:] تىكەنسىز گۈل بولماس.

تىكەنگۈل

  • تىكەنگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تىكەن+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «كاكتۇس»قا قاراڭ.

تىكەنلەشتۈرمەك

  • تىكەنلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «تىكەنلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سەمەتنىڭ كۈلكىسى مېھرىبانغا خۇددى ھۇۋقۇشنىڭ ئاۋازىدەك ئاڭلىنىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزاسىنى تىكەنلەشتۈرۈۋەتتى.

تىكەنلەشمەك

  • تىكەنلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تىكەن بىلەن قاپلانماق؛ تىكەنگە ئوخشاش يىرىكلەشمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزارغان، قىسقا بۇرۇتلىرى كىرپىنىڭ تۈكىدەك تىكەنلەشكەنىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەلۇم غەيرىي روھىي ھالەتتىن كېيىن ئۈستۋېشى يىرىكلىشىپ، جۇغۇلداپ سەسكەنگەندەك سەزگۈ ھاسىل بولماق:[مىسال:] «ئاجرىشىمەن» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ، بەختىگۈلنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى تىكەنلىشىپ كەتتى.

تىكەنلىك

  • تىكەنلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىكىنى بار، تىكەنلەر بىلەن قاپلانغان:[مىسال:] تىكەنلىك گۈل.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىكىنى بار ئۆسۈملۈكلەر كۆپ ئۆسكەن ۋە تىكەن بىلەن قاپلانغان جاي:[مىسال:] يالىڭاياغ ماڭغان بالىلار تىكەنلىكتىن ماڭالماي، ئاياغلىرىنى كىيىشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىڭنىسىمان، ئۆتكۈر، ئۇچلۇق مىخلىرى بولغان:[مىسال:] تىكەنلىك سىم.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىگە قاتتىق تېگىدىغان، يېقىمسىز، نەشتەردەك:[مىسال:] ئۇنىڭ تىكەنلىك سۆزلىرى رابىيەنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىپ تېخىمۇ بىئارام قىلدى.

تىك-تاك

  • تىك-تاك[يەشمىسى:] تاياق، چوكا قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ قاتتىق نەرسىلەرگە بىردە كۈچلۈك، بىردە بوش ئۇرۇلۇشىدىن چىققان ئاۋاز.

تىكتاك

  • تىكتاك[قۇرۇلمىسى:]]تىك+تاك[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] تىكتاك توپنىڭ پالاق ۋە شىرەگە تېگىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.

تىكتاك توپ

  • تىكتاك توپ[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ① توپ تۈرلىرى تەنھەرىكىتىنىڭ بىر خىلى. توپ شىرەسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ستكا ئورنىتىلىدۇ. مۇسابىقىلەشكۈچى ئىككى تەرەپ شىرەنىڭ ئىككى بېشىدا تۇرۇپ، توپنى پالاق بىلەن ئۇرۇپ، سېتكىدىن ئۆتكۈزۈپ ئوينايدۇ. مۇسابىقە ئادەتتە يەككە ۋە جۈپ ئويناش دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل تەنھەرىكەتتە ئىشلىتىلدىغان توپ. ئۇ سېللۇلوئىددىن ياسىلىدۇ. دىئامېتىرى ئۈچ سانتىمېتىر بولىدۇ.

تىكتولوگىيە

  • تىكتولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] مېدىتسىنانىڭ بىر تارمىقى، يەنى ھامىلدارلىق، تۇغۇت ۋە تۇغۇشتىن كېيىنكى مەزگىلدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

تىكتۈرمەك

  • تىكتۈرمەك[يەشمىسى:] «تىكمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تىك-تىك

  • تىك-تىك[يەشمىسى:] ① «تىك» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.[يەشمىسى:] ② ئالدىراڭغۇ، ئالدىراپ تۇرىدىغان:[مىسال:] بۇ تازا تىك-تىك بالا بوپتۇ.

تىككەن-تەرگەن

  • تىككەن-تەرگەن[يەشمىسى:] «تېرىغان-تىككەن»گە قاراڭ:[مىسال:] ئۇنىڭ ھەر يىلى تىككەن-تەرگەنلىرى ئۆزىگە يېتىپ، ئېشىپ قالىدىكەن.

تىككۈچى

  • تىككۈچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىم تىكىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى، ماشىنىچى.

تىككۈچىلىك

  • تىككۈچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىم تىكىش ئىشى، كەسپى.

تىكلەتمەك

  • تىكلەتمەك[يەشمىسى:] «تىكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] رەقىبى ئالدىدا قىلدىڭ ئۇنى خار، يەنە ئاسماققا تىكلەتتىڭ ئېگىز دار.

تىكلەشمەك

  • تىكلەشمەك[يەشمىسى:] ① «تىكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار كاللىسىنى بىر قېلىۋېلىپ، ھەسەن قۇتازنى بەگ قىلىپ تىكلەشتى.[يەشمىسى:] ② تىك ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئەمدى يول تېخىمۇ تىكلەشتى ۋە خەتەرلىك تۈس ئالدى.

تىكلەكلىك

  • تىكلەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىكلەپ قويۇلغان، تىكلەنگەن:[مىسال:] گۈرجەك تىكلەكلىك تۇراتتى.

تىكلەنمەك

  • تىكلەنمەك[يەشمىسى:] ① «تىكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تۇغ تىكلەندى.[يەشمىسى:] ② «تىكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھەيۋەتلىك يوغان ئات خارتىلداپ، ئالدىنقى ئاياغلىرىنى كۆتۈرۈپ تىكلەندى.[يەشمىسى:] ③ كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرماق:[مىسال:] بىز يەنە بىرئاز مۇزاكىرە يۈرگۈزۈپ، ئاندىن خۇلاسە چىقارساق، دەپ ئەمەلدارلارغا تىكلەندى باش ۋەزىر.

تىكلىك

  • تىكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىك ھالەت:[مىسال:] پەلەمپەينىڭ تىكلىكىدىن ئادەم ئاسانلا ھېرىپ قالىدۇ.

تىكلىمە

  • تىكلىمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىكلەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تىكلەنگەن:[مىسال:] تىكلىمە ئەينەك. تىكلىمە كالېندار.

تىكلىمەك

  • تىكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تۆۋەندىن يۇقىرىغا قارىتىپ تۈز، تىك ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرماق؛ تىك قىلماق:[مىسال:] بايراق تىكلىمەك.[يەشمىسى:] ② يىقىلغان، بۇزۇلغان خاراب بولغان نەرسىلەرنى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرمەك؛ تۇرغۇزماق:[مىسال:] ئۇ كونا تۈزۈمنى تىكلەشنى ئويلايتتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بەرپا قىلماق، قۇرماق، تۇرغۇزماق:[مىسال:] بىزنىڭ مەنپەئىتىمىزنى قوغدايدىغان قانۇننى تىكلەيمىز.[يەشمىسى:] ④ مەلۇم ئورۇن، مەرتىۋىگە ئورۇنلاشتۇرماق، بەلگىلىمەك:[مىسال:] سىلەر ئىشىنىپ، مېنى يېزا باشلىقى قىلىپ تىكلىدىڭلار، ئەلۋەتتە مەنمۇ سىلەرنىڭ مېنىڭ خىزمىتىمگە يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن.

تىكمە

  • تىكمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يىپ بىلەن تىكىلگەن:[مىسال:] كونىراپ كەتكەن بۇ تىكمە كىتاب مەن ئۈچۈن بىر ئەتىۋارلىق نەرسە بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئاغزىنى تىككۈدەك قىلىپ توشقۇزۇلغان:[مىسال:] تىكمە بىر تاغار.

تىكمەك

  • تىكمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سانجىپ، تىقىپ ئورۇنلاشتۇرماق، قادىماق، ئورناتماق:[مىسال:] كۆچەت تىكمەك.[يەشمىسى:] ② قۇرماق، تىكلىمەك، بىنا قىلماق:[مىسال:] چېدىر تىكمەك.[يەشمىسى:] ③ يىپ-يىڭنە ۋە ماشىنا قاتارلىقلار بىلەن تۆنەپ، تەپچىپ بىر-بىرىگە ھىم جىپسىلاشتۇرماق:[مىسال:] تاغارنىڭ ئاغزىنى تىكمەك. كىيىم تىكمەك.[يەشمىسى:] ④ قىمار ۋە قىمار خاراكتېرلىق ئويۇنلاردا، ئۆز ئۈلۈشى قىلىپ پۇل ياكى باشقا نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماق:[مىسال:] قىمارغا پۇل تىكمەك.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر كىشى ياكى نەرسە ئۈچۈن بېغىشلىماق، پىدا قىلماق:[مىسال:] جېنىنى تىكمەك.[يەشمىسى:] ⑥ مەلۇم نۇقتىغا جىددىي قارىماق:[مىسال:] ياسىن سۇناي ئۇزۇن قاشلىرى ئاستىدىكى نۇرسىز كۆزلىرىنى ئاللىقاياقلارغا غەزەپ بىلەن تىكتى.[يەشمىسى:] ⑦ تىكلىمەك، كۆتۈرمەك:[مىسال:] موزاي قۇيرۇقىنى تىكىپ قاچتى.

تىكىپ-سۆكۈپ

  • تىكىپ-سۆكۈپ[يەشمىسى:] ھېلى تۈزەپ، ھېلى بۇزۇپ، بىردەم بېكىتىپ، بىردەم بىكار قىلىپ:[مىسال:] تىكىپ-سۆكۈپ ئىش قىلماق.

تىكىچ

  • تىكىچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رەخت، تېرە قاتارلىقلاردىن تىكىلگەن بۇيۇملارنىڭ تىكىپ ئۇلانغان جايى:[مىسال:] تىكىچى سۆكۈلمەك. تىكىچى توختىماسلىق.

تىكىرⅠ

  • تىكىرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق نەرسىلەرنى قىرىش، تاتىلاشتىن ئاڭلانغان ئاۋاز.

تىكىرⅡ

  • تىكىرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دۆ.

تىكىر-تىكىر

  • تىكىر-تىكىر[يەشمىسى:] «تىكىرⅠ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

تىكىشمەك

  • تىكىشمەك[يەشمىسى:] «تىكمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كۆچەت تىكىشمەك.

تىكىلمەك

  • تىكىلمەك[يەشمىسى:] «تىكمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] سارغۇچ كەلگەن چوڭ ئىككى ماتورلۇق كېمە كېلىۋاتاتتى. كېمىنىڭ قۇيرۇق تەرىپىگە يېشىل برېزېنتتىن سايىۋەن تىكىلگەنىدى.

تىكىنەك

  • تىكىنەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىرناق ئېرىقچىلىرىنىڭ ياللۇغلىنىشى، ئەتتىكەن.

تىكىۋەتمەك

  • تىكىۋەتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[قۇرۇلمىسى:]]تىكىپ+ئەتمەك[[يەشمىسى:] تېزلا قاچماق، قېچىپ كەتمەك، كۆزدىن يوقالماق:[مىسال:] غىپپىدە تىكىۋەتمەك.

تىڭⅠ

  • تىڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زىرائەت تېرىلمىغان، ئېچىلمىغان، بوز:[مىسال:] تىڭ يەر.

تىڭⅡ

  • تىڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاۋاز، ئۈن، شەپە.

تىڭتىڭچى

  • تىڭتىڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «تىڭچى»گە قاراڭ.

تىڭتىڭلىماق

  • تىڭتىڭلىماق[يەشمىسى:] ① يوشۇرۇن ئاڭلىماق، خۇپىيانە قۇلاق سالماق.[يەشمىسى:] ② مەلۇم ئىش، بىرەر ئەھۋالنىڭ يىپ ئۇچى، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرىدىن دېرەك ئىزدىمەك، ئۇقۇشۇپ يۈرمەك:[مىسال:] قوشنىلىرى خېلى ۋاقىت تىڭتىڭلاپ كۆرسىمۇ، مامۇتتىن ھېچ دېرەك بولماپتۇ.

تىڭچى

  • تىڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ سۆزىنى يوشۇرۇن ئاڭلاپ، ھەرىكىتىگە كۆز سېلىپ، خەۋەر يەتكۈزگۈچى، تىڭتىڭچى، ئايغاقچى:[مىسال:] كوچىلاردا ماڭماڭلار، كوچىلاردا تىڭچى بار. سىز بىزنى كىچىك كۆرمەڭ، قورسىقىمىزدا بىڭسى بار.

تىڭشاتماق

  • تىڭشاتماق[يەشمىسى:] «تىڭشىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ناخشا تىڭشاتماق.

تىڭشاشماق

  • تىڭشاشماق[يەشمىسى:] «تىڭشىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار تاماقتىن كېيىن، ھۇزۇر قىلىپ مۇقام ناخشىلىرىنى تىڭشاشتى.

تىڭشالماق

  • تىڭشالماق[يەشمىسى:] «تىڭشىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تىڭشىغۇچ

  • تىڭشىغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قۇلاققا تىقىپ ياكى يېقىن كەلتۈرۈپ ئاڭلايدىغان ئاۋاز يەتكۈزۈپ بەرگۈچى بىر خىل ئەسۋاب.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] يۈرەك، ئۆپكە قاتارلىق ئىچكى ئەزالارنىڭ ھەرىكەت ئاۋازىنى ئاڭلاپ، دىئاگنوز قويۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب.

تىڭشىماق

  • تىڭشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قۇلاق سالماق، ئاڭلىماق، ئىشىتمەك:[مىسال:] ناخشا تىڭشىماق.

تىڭگەن

  • تىڭگەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تۈگمەن.

تىل

  • تىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ① تېتىش، چايناش، تەلەپپۇز قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ئەزا. ئۇ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئاستى قىسمىدا بولۇپ، ئۇنىڭ تۈۋ قىسمى ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئاستىغا تۇتاشقان.[يەشمىسى:] ② ھايۋانلارنىڭ گۆش ئورنىدا يېيىلىدىغان ئاشۇنداق ئەزاسى.[يەشمىسى:] ③ ئىنساننىڭ ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن گەپ-سۆزى:[مىسال:] گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى ئۇقار (ماقال). * دىلى بىرنىڭ تىلى بىر (ماقال).[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى ۋە بىر-بىرىنى چۈشىنىش قورالى. تىل تاۋۇشى، لۇغەت تەركىبى ۋە گرامماتىكىدىن تەركىب تاپقان بىر سىستېما:[مىسال:] ئۇيغۇر تىلى. خەنزۇ تىلى.[يەشمىسى:] ⑤ نۇتۇقنىڭ ئۆزىگە خاس ۋاسىتىلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن تۈرى، ئۇسلۇبى:[مىسال:] ناۋايىنىڭ قولى تۇتقان قەلەمدۇر، ئۇنىڭ ھەربىر تىلى بىر ئىشق-ئەلەمدۇر.[يەشمىسى:] ⑥ ئاغزاكى مەلۇمات، پاكىت:[مىسال:] مەنسۈرنىڭ ھېلىقى ماتېرىيالى ياخشى رەتلەنگەنغۇ-ھە، چەت ئەلنىڭ خېتى، گۇۋاھچىلارنىڭ ئىسپات ماتېرىياللىرى-مانا بۇلار بىزنىڭ تىلىمىز[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارنى ھاقارەتلەپ قىلغان سۆز، ئاھانەت:[مىسال:] تۆتەيلەن تىلنىڭ دەستىدىن بىر-بىرىگە قارىشىپ قالدى.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئەسۋابنىڭ ئېسىلىپ ياكى ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان ئۇچلۇق قىسمى:[مىسال:] سائەتنىڭ تىلى.[يەشمىسى:] ⑨ مەلۇم كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس پىكىر قىلىش، سۆزلەش ئادىتى:[مىسال:] دېھقانلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ تېرىماي ئورىمەن دېگەنلىك.[يەشمىسى:] 01 بىرەر نەرسە، كەسىپ، ئىشنىڭ ماھىيىتى، سىرىگە مۇناسىۋەتلىك ۋاسىتە، ئۇسۇل، چارە:[مىسال:] بۇ قورالنىڭ تىلىنى مەنلا بىلىمەن.[يەشمىسى:] 11 قارماقنىڭ ئۇچىغا قارىمۇقارشى چىقارغان ئىلمىكى:[مىسال:] قارماقنىڭ تىلى چىقىرىلمىغاچقا، ئىلىنگەن بېلىق يەنە قېچىپ كەتتى.[يەشمىسى:] 21 ئاككوردىيون، پىئانىنو ۋە باشقىلار ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، قولدا بېسىش ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىدىغان كىچىك كۇنۇپكا:[مىسال:] ئاككوردىيوننىڭ تىلى.

تىل تەگمەك

  • تىل تەگمەك[يەشمىسى:] بىراۋ ئۈستىدە ياخشى ياكى يامان سۆز بولۇنغان سەۋەبتىن، ئۇنىڭغا مەلۇم غەيرىي نورماللىق. بىتاپلىق يەتمەك.

تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق

  • تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق[يەشمىسى:] پايدىسى، قىممىتىنى ھېسابلاپ كۆرۈشكە، بۇ ھەقتە سۆزلەشكە ئەرزىمەيدىغان، ناھايىتى ئاز، ئاددىي، كىچىككىنە.

تىل ئۇچىدا

  • تىل ئۇچىدا[يەشمىسى:] چىن كۆڭلىدىن ئەمەس، ئانچىكى ئېيتىپ قويۇلغان:[مىسال:] قاسىم بازاردىن كەلگىنىدە قىزغىن كۆرۈشكەندەك قىلدى-يۇ، تىل ئۇچىدا: ئۆيگە بارغىن، دەپ قويدى.

تىلى چىقماق

  • تىلى چىقماق[يەشمىسى:] ① گەپ قىلىشنى ئۆگىنىشكە باشلىماق، گەپ قىلىشقا باشلىماق.[يەشمىسى:] ② تەپ تارتماي گەپ قىلىۋېرىدىغان، تاكاللىشىدىغان، ئېيتىشىدىغان بولماق.

تىلى كۆيمەك

  • تىلى كۆيمەك[يەشمىسى:] مەلۇم بىر كىشى، نەرسە ھەققىدە سۆزلەپ قويۇپ، باشقىلارنى رەنجىتىپ قويۇش، كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋېلىشتىن ئەنسىرىمەك:[مىسال:] خۇدا خالىسا، يەنە بىر ئەرزىمەس ئىش بار ئىدى. ئېيتمىسام تىلىم كۆيىدۇ، ئېيتسام دىلىم.

تىلىڭنى تارت

  • تىلىڭنى تارت[يەشمىسى:] «تىلىڭنى يىغ»قا قاراڭ.

تىلىڭنى يىغ

  • تىلىڭنى يىغ[يەشمىسى:] گېپىڭنى ئازايت، سۆزلىمە.

تىلىنى چاينىماق

  • تىلىنى چاينىماق[يەشمىسى:] ① دەرھال دېيىشكە تېگىشلىك گەپنى دېمەي، گەپنى سوزماق؛ ئەزمىلىمەك:[مىسال:] بۇنىڭدا تىلنى چايناپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ.[يەشمىسى:] ② ھودۇقۇپ، تەمتىرەپ سۆزلىمەك، دۇدۇقلىماق، گاچىلاشماق:[مىسال:] ئىمام بۇنىڭ ھېچقايسىسىغا ئېنىق جاۋاب بېرەلمەي، «ھېلىقى كۈنى مەسچىتتە مەن قۇمۇللۇق، كەسپىم ياغاچچى» دېگەن ئىدى دەپ تىلىنى چاينىدى.

تىلىنى چىشلەپ قالماق

  • تىلىنى چىشلەپ قالماق[يەشمىسى:] قىلغان گەپ-سۆزىگە پۇشايمان قىلماق؛ ھەسرەتتە قالماق:[مىسال:] ئۇنىڭغا بەتنام چاپلاپ يۈرگەنلەر بولسا تىلىنى چىشلەپ قالاتتى.

تىلىنىڭ ئاستىدا تىلى بار

  • تىلىنىڭ ئاستىدا تىلى بار[يەشمىسى:] ئاغزىدا دېگىنى بىلەن كۆڭلىگە پۈككىنى ئوخشىمايدۇ، راست گېپىنى بىلگىلى بولمايدۇ:[مىسال:] ياسىننىڭ گېپىگە ئىشەنمەڭلار، ئۇنىڭ تىلىنىڭ ئاستىدا تىلى بار.

تىلىنىڭ تېگىدە تىلى بار

  • تىلىنىڭ تېگىدە تىلى بار[يەشمىسى:] «تىلىنىڭ ئاستىدا تىلى بار»غا قاراڭ.

تىلىنىڭ سۆڭىكى يوق

  • تىلىنىڭ سۆڭىكى يوق[يەشمىسى:] ئېغىزدىن ھەرقانداق گەپ چىقىدۇ دېگەن مەنىدىكى ئىبارە:[مىسال:] ئۇكام، تىلنىڭ سۆڭىكى يوق، نېمە دېسەم دەۋېرىمەن دەپ ئاغزىڭغا كەلگىنىنى ۋالاقلاۋەرمە، بىزمۇ سەن بار يەردە بار. ئىش ئۇنچىۋالا ئەمەس.

تىلى ئۇزۇن

  • تىلى ئۇزۇن[يەشمىسى:] ھەر نەرسە دېيىشكە تىلى قىسىلمايدىغان؛ دادىل، بىمالال گەپ قىلىدىغان.

تىل-ئاھانەت

  • تىل-ئاھانەت[يەشمىسى:] تىل ۋە ئاھانەت.

تىلاۋەت

  • تىلاۋەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قۇرئان ئوقۇش، قىرائەت قىلىش:[مىسال:] تىلاۋەت قىلماق.

تىلاۋەتخانا

  • تىلاۋەتخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] قۇرئان ئوقۇش، قىرائەت قىلىش ئارقىلىق دۇئا-تەكبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۆي.

تىلاۋەتكار

  • تىلاۋەتكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] دائىم قۇرئان ئوقۇپ، دۇئا-تەكبىر قىلىپ تۇرغۇچى.

تىلەتمەك

  • تىلەتمەك[يەشمىسى:] «تىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تىل-ئەدەبىيات

  • تىل-ئەدەبىيات[يەشمىسى:] تىل ۋە ئەدەبىيات.

تىلەشمەك

  • تىلەشمەك[يەشمىسى:] «تىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەل-جامائەت ۋە قوۋم-قېرىنداشلار مېنىڭ سەۋر قىلىشىمنى تىلەشمەكتە.

تىلەك

  • تىلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسە، ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان ئارزۇ، ئىنتىلىش، ئىستەك:[مىسال:] ھازىرچە بۇ ئىشىڭنىمۇ قويۇپ تۇر، چوڭ تىلەك ئورۇندالغاندىن كېيىن، باشقىلىرىنى ئويلاشساڭمۇ ئۈلگۈرىسەن.[يەشمىسى:] ② مەلۇم ئۈمىد ياكى ئېھتىياج بىلەن باشقىلارغا قىلىنغان تەلەپ، مۇراجىئەت:[مىسال:] قارىغۇنىڭ تىلىكى ئىككى كۆز (ماقال).

تىلەكداش

  • تىلەكداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر كىشىنىڭ تىلىكى، ئارزۇسى، ئۈمىدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ھېسداشلىق قىلغۇچى كىشى؛ ئوخشاش تىلەك-ئارزۇدا بولغۇچى:[LJ] غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭگە تىلەكداشمەن.

تىلەكداشلىق

  • تىلەكداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھېسداشلىق؛ ئوخشاش تىلەكتە بولۇش.

تىلەم

  • تىلەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئېھتىياج بىلەن تىلەپ، سوراپ ئېلىنغان نەرسە:[مىسال:] تىلەمگە بەرمەك. تىلەمگە ئالماق. تىلەمگە ئالغان نەرسىلەر.

تىلەمچى

  • تىلەمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىلەردىن بىرەر نەرسە تىلەپ تىرىكچىلىك قىلغۇچى كىشى.

تىلەمچىلىك

  • تىلەمچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىلەش ئادىتى.

تىلتاس

  • تىلتاس [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] لىقمۇلۇق، پەۋەس.

تىلتاقلىماق

  • تىلتاقلىماق [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] رەت قىلماق، باش تارتماق، قوبۇل قىلماسلىق.

تىلەنمەك

  • تىلەنمەك[يەشمىسى:] ① «تىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھېلىقى بالا تامنىڭ ئارقىسىغا بېرىپ، يانچۇقىدىكى تىلەنگەن پۇللارنى ساناشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② يېلىنماق، يالۋۇرۇپ سورىماق:[مىسال:] بۇ ئادەم ئارتۇق تىلەنمەيلا چىقىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ③ تىلەمچىلىك قىلماق:[مىسال:] ئۇلار جان ساقلاش كويىدا ئۇنىڭغا-بۇنىڭغا تىلىنىپ، بەش يىلنى ئۆتكۈزدى.

تىل-تاياق

  • تىل-تاياق[يەشمىسى:] تىللاش ۋە ئۇرۇش بىلەن قىلىنغان خورلۇق:[مىسال:] تىل-تاياق ئاستىغا ئېلىنماق.

تىلتۇمار

  • تىلتۇمار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تىل+تۇمار[[يەشمىسى:] ① كونا قاراش بويىچە كىشىلەرنىڭ تىلى تېگىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىچىگە دۇئا پۈتۈلگەن قەغەز سېلىنغان تۇمار.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گويا بارلىق يامانلىقنى يوق قىلىپ، ياخشىلىق بەخش ئەتكۈچى دەپ ئەتىۋارلاپ ساقلىنىدىغان نەرسە.

تىلچى

  • تىلچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مەلۇم تىل بىلىملىرىدىن خەۋىرى بار كىشى، تىلشۇناس.[يەشمىسى:] ② خەۋەر، ئاخبارات يەتكۈزگۈچى.[يەشمىسى:] ③ داۋاملىق باشقىلارنى تىللاشنى ئادەت قىلغان كىشى:[مىسال:] قاسىمباينىڭ خوتۇنى بىر تىلچى خوتۇن، شۇڭا قاپىقىدىن كۆك ئاجرىمايدۇ.

تىلخەت

  • تىلخەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تىل+خەت[[يەشمىسى:] قەرز، زىممىسىگە ئالغان مەجبۇرىيەت، ۋەدىلەر ھەققىدە جاۋابكار شەخس تەرىپىدىن ئىمزا قويۇپ ياكى تامغا بېسىپ بېرىلگەن ھۆججەت:[مىسال:] تىلخەت بەرمەك.

تىلداش

  • تىلداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر تىلدا سۆزلەيدىغان، مەلۇم ئورتاق تىلغا ئىگە كىشىلەر.

تىلدۇرماق

  • تىلدۇرماق[يەشمىسى:] «تىلماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تاختاي تىلدۇرماق. تاۋۇز تىلدۇرماق.

تىلسىز

  • تىلسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تىلى يوق، تىلغا ئىگە بولمىغان:[مىسال:] ئۇ تىلسىز، پۇت-قولسىز غەلىتە مەخلۇق، ھېچ يەردە توختىماي ئاققىنى ئاققان.[يەشمىسى:] ② سۆزلەش قابىلىيىتىگە ئىگە بولمىغان، گاچا.[يەشمىسى:] ③ گەپ، سۆز بىلەن ئىپادىلەنمىگەن، تىل ئىشلىتىلمىگەن:[مىسال:] تىلسىز تىياتىر.

تىلسىزلىق

  • تىلسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىلى يوقلۇق:[مىسال:] ئويلا ئىنسان قاناتلانسۇن ئوي ھەردەم، تىلسىزلىقتا ئۇققىن مېنىڭ تىلىمنى.

تىلسىم

  • تىلسىم[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سېھىر، جادۇ:[مىسال:] ھارىس شاھنىڭ ھاممامى بادگەرد تىلسىمنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سېھىر قىلىنغان، سېھىرلىك، ئاجايىپ-غارايىپ، سىرىنى بىلگىلى بولمايدىغان:[مىسال:] قۇلاق ئاڭلىمىغان نەدىكى بىر تىلسىم سۇغا-قارلىق تاغقا باشلىغىلى بولامدىكەن[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سىرى ئېچىلمىغان، سېھىرلەنگەن نەرسە ۋە شۇنداق جاي:[مىسال:] بۇنىڭ ئىچى بەئەينى بىر تىلسىم.

تىلسىمات

  • تىلسىمات[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سېھىر-جادۇ قىلىش، سېھىر-جادۇ قىلىنغان نەرسە:[مىسال:] سەن ئاشۇ تاغقا بارالىساڭمۇ، تىلسىماتقا كۈچۈڭ يەتمەيدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سىرىنى بىلگىلى بولمايدىغان، سىرلىق:[مىسال:] بۈگۈن ئۇنىڭ چىنىسىغا چاي قۇيۇپ بېرىۋاتقان مەھبۈبى ئايىمخان دەل شۇ شائىرنى ئۆرتەندۈرگەن تىلسىمات قىزنىڭ ئۆزى ئىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سىرى ئېچىلمىغان، كىشىلەر بىلىپ يەتمىگەن ئاجايىپ-غارايىپ نەرسە ۋە شۇنداق جاي:[مىسال:] ئۇ ئورمانلىق ھەقىقەتەن بىر تىلسىمات ئىكەن.

تىلسىمان

  • تىلسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىل شەكىللىك، تىلغا ئوخشاش:[مىسال:] تىلسىمان گۈل.

تىلسىملىق

  • تىلسىملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① سېھىرلەپ، تىلسىملاپ قويۇلغان:[مىسال:] تىلسىملىق تاغلار.[يەشمىسى:] ② بىلىپ بولمايدىغان، ئاجايىپ-غارايىپلىقلارغا ئىگە:[مىسال:] ئۇ ھاياتنىڭ تىلسىملىق يولىغا كىرىپ قالغان ئادەمدەك نەگە بېرىشىنى، نېمە قىلىشىنى بىلمەيتتى.

تىلشۇناس

  • تىلشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىل ئىلمى بويىچە مۇتەخەسسىس، ئالىم.

تىلشۇناسلىق

  • تىلشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىلنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان پەن. تىلشۇناسلىق ئۆزىنىڭ تەتقىقات دائىرىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئومۇمىي تىلشۇناسلىق ۋە كونكرېت تىلشۇناسلىق دېگەن ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.

تىلغاتماق

  • تىلغاتماق[يەشمىسى:] «تىلغىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تىلغاشماق

  • تىلغاشماق[يەشمىسى:] «تىلغىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ساپانچىلار چۈشكىچە قىغلانغان يەرلەرنى تىلغاشتى.

تىلغانماق

  • تىلغانماق[يەشمىسى:] «تىلغىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] دوستۇمنىڭ قايغۇسى قوزغىتار نالە، يۈرىكىم تىلغىنار ھەسرەت تىغىدا.

تىلغىماق

  • تىلغىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يەرنى ھەيدەپ، تۈرتۈپ ئۆڭتۈرمەك؛ توپىسىنى بوشاتماق:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ بۇ كىشىلەر بىردەمنىڭ ئىچىدە جەننەتتەك ئوقۇش يۇرتىنى توڭگۇز تىلغىغاندەك ۋەيران قىلىۋەتتى.[يەشمىسى:] ② تىلىپ پارە-پارە قىلماق، تىتىۋەتمەك:[مىسال:] بۇ ئازاب باغرىمنى تىلغاپ قان قىلىپ، ھەركۈنى قىينايدۇ مېنى قامچىلاپ.

تىلقانات

  • تىلقانات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تىل+قانات[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. رەڭگى سېرىق؛ ئۇرۇق مېۋىسى شىنا شەكلىدە يالپاق بولۇپ، قىرلىرىدا ئىلمەك تىكەنلىرى بولىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ، ئىسسىق ياندۇرۇش، زەھەرنى تارقىتىش، قاننى جانلاندۇرۇپ، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە.

تىللا

  • تىللا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ساپ ئالتۇندىن سوقۇلغان پۇل، ئالتۇن تەڭگە. [يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

تىللاقوڭغۇز

  • تىللاقوڭغۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]تىللا+قوڭغۇز[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل دېھقانچىلىققا زىيانلىق ھاشارات.تۈرى كۆپ بولىدۇ، تېنى توق يېشىل ياكى باشقا رەڭلەردە بولۇپ، پارقىرايدۇ. زىرائەتلەرنىڭ غولى ۋە يىلتىزى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.

تىللاتماق

  • تىللاتماق[يەشمىسى:] «تىللىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تىللاشماق

  • تىللاشماق[يەشمىسى:] «تىللىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ئىككى قوشنا تىللىشىپ قالدى.

تىللالىق

  • تىللالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىللا قىممىتىدىكى، تىللاغا يارايدىغان.

تىللانماق

  • تىللانماق[يەشمىسى:] «تىللىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تىللىق

  • تىللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تىلى بار، تىلدىن پايدىلىنالايدىغان:[مىسال:] قوش تىللىق بولۇش. زەھەر تىللىق ئادەم.[يەشمىسى:] ② تىل چىقىرىلغان:[مىسال:] تەتۈر تىللىق قارماق.

تىللىماق

  • تىللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قوپال، سەت گەپ-سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىمەك، ئاھانەت قىلماق:[مىسال:] ئەمەت ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى، ھەتتا ئەدەپسىز سۆزلەر بىلەنمۇ تىللىدى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم بىر سۆز ياكى نام بىلەم كەمسىتمەك:[مىسال:] ئەمىسە نېمىشقا سەن ئۇنى «چۈجە» دەپ تىللايسەن

تىلما

  • تىلما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىلىپ كېسىلگەن، يېرىلغان، پارچىلانغان:[مىسال:] تىلما ياغاچ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كارىز سۈيىنىڭ ئېقىپ چىققان جايى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] تىلما تاياقچە باكتېرىيىلىرىدىن بولىدىغان بىر خىل ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل. ئاساسەن ھەزىم قىلىش يوللىرى ۋە تېرىدىكى جاراھەت ئارقىلىق يۇقىدۇ.

تىلماچ

  • تىلماچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] تەرجىمان.

تىلماچلىق

  • تىلماچلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەرجىمانلىق:[مىسال:] تىلماچلىق قىلماق.

تىلماق

  • تىلماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كېسىپ، تىلىم شەكلىگە كەلتۈرمەك:[مىسال:] قوغۇن تىلماق. تاختاي تىلماق.[يەشمىسى:] ② يېرىپ ئىز ياكى مەلۇم بوشلۇق ھاسىل قىلماق:[مىسال:] يوغان كەتمەننى قولۇڭغا ئېلىپ، يەرنىڭ كۆكسىنى بەك چوڭقۇر تىلىپ، پۈتۈن كۈچۈڭنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئىشلە ئېتىزغا يەنە قاتتىقراق.[يەشمىسى:] ③ كېسىپ، جىراپ ئۇزۇن سىزىق قالدۇرماق، يىرتماق:[مىسال:] يۈزىنى تىلماق.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاتتىق دەرد بىلەن ئازابلىماق:[مىسال:] بۇ ئىشەنگۈسىز ئاچچىق كەچمىش گويا ئۆتكۈر خەنجەرگە ئوخشاش، ئۇنىڭ يۈرەك-باغرىنى تىلاتتى.

تىلمۇق

  • تىلمۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كالپۇكى كەمتۈك، تىلىنغان:[مىسال:] تىلمۇق بالا.

تىل-ھاقارەت

  • تىل-ھاقارەت[يەشمىسى:] كىشىلەرنى كەمسىتىپ، سۆكۈپ ئېيتىلغان قوپال سۆز ۋە ئەيىبلەشلەر:[مىسال:] تىل-ھاقارەت قىلماق.

تىلىشماق

  • تىلىشماق[يەشمىسى:] «تىلماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاكا-ئۇكا ئىككىسى كۈندۈزى تاختاي تىلىشتى، كەچلىرى ئۇنى راسكالىققا ئالدى.

تىلىق

  • تىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىلىشتىن ھاسىل بولغان ئىز، يېرىق.

تىلىم

  • تىلىم[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنى ئۇزۇن تىلىشتىن، يېرىشتىن ھاسىل بولغان بۆلەك:[مىسال:] كۆكچىگە تېگە-تەگمەي پىچاق بىسى، تارس قىلىپ يېرىلغىنى بىر بېشارەت. دەسلەپكى تىلىمنى يېگەندىلا، ۋاھ گويا تەن-تېنىمگە ئاقتى شەربەت.[يەشمىسى:] ② ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ، تىلىپ ئېلىنغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر تىلىم ياغاچ. بىر تىلىم تاسما.

تىلىمەك

  • تىلىمەك[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلماق، ئارزۇ قىلماق؛ ئارزۇ ۋە ئۈمىدىنى ئىپادىلىمەك:[مىسال:] ياخشىلىق تىلىمەك. ئاق يول تىلىمەك.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئېھتىياج بىلەن بىراۋغا مۇراجىئەت قىلماق، سورىماق:[مىسال:] تازغا تارغاق بەرسە يىلىم تىلەيدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ③ تىلەمچىلىك قىلماق:[مىسال:] ئۇ قورسىقى ئاچسا، نان تىلەپ يېدى.[يەشمىسى:] ④ مەلۇم يامان ئىشنى ياكى شۇنداق ئىشنى قىلغۇچىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئەپۇ قىلىشنى تەلەپ قىلماق:[مىسال:] ئەخمەت ئاكام ئوغلىنى ئۇرغان چوڭ بالىنى يوغان تاياق بىلەن ئۇرۇشقا باشلىغاندا يولدىن ئۆتۈۋاتقان بىر كىشى ئۇ بالىنى تىلىۋالدى.

تىلىم-تىلىم

  • تىلىم-تىلىم[يەشمىسى:] ① كۆپ تىلىم:[مىسال:] تىلىم-تىلىم قوغۇنلار، ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەر داستىخانغا ھۆسن قوشقانىدى.[يەشمىسى:] ② بىرقانچە جايلىرى تىلىنغان، يېرىلغان؛ خۇددى تىلىنغاندەك يول-يول ئىز قالغان:[مىسال:] گويا بۇ ئاق بوز رەڭلىك چاچلار بىلەن تىلىم-تىلىم قورۇقلار ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلىتەتتى.

تىلىملاتماق

  • تىلىملاتماق[يەشمىسى:] «تىلىملىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ قوغۇنلارنى ئۇزۇن-ئۇزۇن تىلىملاتتى ۋە پەتنۇسقا تىزدۇردى.

تىلىملاشماق

  • تىلىملاشماق[يەشمىسى:] «تىلىملىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تىلىملانماق

  • تىلىملانماق[يەشمىسى:] «تىلىملىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تىلىملانغان تاۋۇزلار داستىخانغا كەلتۈرۈلدى.

تىلىملىماق

  • تىلىملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىلىم-تىلىم قىلىپ كەسمەك، پىچماق:[مىسال:] قوغۇننى تىلىملىماق.

تىلىنماق

  • تىلىنماق[يەشمىسى:] «تىلماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئادىلجاننىڭ توسۇشلىرىغا قارىماي قوغۇن تىلىندى، ئۈزۈم تەخسىلەرگە ئېلىندى.

تىل-يېزىق

  • تىل-يېزىق[يەشمىسى:] تىل ۋە يېزىق؛ تىل ۋە يېزىققا دائىر خىزمەتلەر:[مىسال:] مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى.

تىمⅠ

  • تىمⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] خەۋەر، بەلگە بېرىش ئۈچۈن ئوت ياقىدىغان ئېگىز پوتەي، تۇرا.

تىمⅡ

  • تىمⅡ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جىم.

تىمەن

  • تىمەن[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ساغلام ۋە سېمىز، كۈچلۈك:[مىسال:] تىمەن ئادەم. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تەمكىن، پۇختا، مەزمۇت:[مىسال:] شاخلىرى باغجانلاپ ئۆسمەكتەتىمەن، يىلتىزى سۇ بەرگەچ تومۇرغا-قانغا.

تىمەنلەشتۈرمەك

  • تىمەنلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «تىمەنلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تىمەنلەشمەك

  • تىمەنلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىمەن ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئەتىيازدىكى قوزىلار كۆككە ئۇلىشىپلا تىمەنلەشتى.

تىمەنلىك

  • تىمەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىمەن ھالەت، ئەھۋال:[مىسال:] ھاكىم شۇنىڭدىن كېيىن بىر پەس پۇشۇلداپ ئولتۇردى-دە، كېيىن خېلى تىمەنلىك بىلەن ئېيتتى.

تىمتاس

  • تىمتاس[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] جىمجىت، جىم:[مىسال:] تىمتاس كۆل.

تىمتاسچىلىق

  • تىمتاسچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «تىمتاسلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] مەجلىسخانىنى بىردىنلا تىمتاسچىلىق قاپلىدى.

تىمتاسلاشماق

  • تىمتاسلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىمتاس، جىمجىت ھالەتكە كەلمەك، جىمجىتلاشماق:[مىسال:] بىردەمدىن كېيىن ئەتراپ تىمتاسلاشتى.

تىمتاسلىق

  • تىمتاسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىمتاس، جىمجىت ھالەت؛ جىمجىتلىق:[مىسال:] زال ئىچى بىردىن تىمتاسلىققا چۆكتى.

تىم-تىم

  • تىم-تىم[يەشمىسى:] يەڭگىل ۋە تېز:[مىسال:] بىر ياشتا بالا بولىدۇ راست پاقلان قوزىچاق، تىم-تىم ماڭىدۇ بۇ چاغ ئۇ شوخ بوتۇلاق.

تىمسال

  • تىمسال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئوبراز، ئۈلگە؛ سىما:[مىسال:] ئەسسالام ئاستانە، ئەي قەدىم قەلئە، بوۋىلار تىمسالى ئەي مويسىپىت چال.

تىمساھ

  • تىمساھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۆرەلگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى. چوڭلىرىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى ئۈچتىن ئالتە مېتىرغىچە كېلىدۇ، تۆت ئايىغى قىسقا، قۇيرۇقى ئۇزۇن، پۈتۈن تېنىدە كۈل رەڭ، قوڭۇر رەڭلىك قاتتىق قاسىرىقى بولىدۇ؛ سۇ ئۈزۈشكە ماھىر، ۋەھشىي كېلىدۇ، بېلىق، پاقا ۋە قۇشلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. بەزىدە ئادەم، ھايۋانلارنىمۇ يەيدۇ. كۆپىنچە تروپىك، سۇبتروپىك بەلۋاغلىرىدا ياشايدۇ.

تىموزىن

  • تىموزىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] تۆش بېزى تەرىپىدىن ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ۋە غول ھۈجەيرىلەرنىڭ يېتىلىشىنى T لىمپا ھۈجەيرىلىرىگە قەدەر يېتەكلەيدىغان پولىپېپسىدلىق بىر خىل گورمون. ئۇ لىمپا سىستېمىسى، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىممونىتېتلىق ئىنكاسى ۋە تەن سۇيۇقلۇقىنىڭ ئانتىتېلالىق ئىنكاسى قاتارلىقلارغا قارىتا قوزغىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

تىمىسقىلاشماق

  • تىمىسقىلاشماق[يەشمىسى:] «تىمىسقىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاتا-بالىلار سۆزلىشىۋاتقاندا كالىلار چۆپ تىمىسقىلىشىپ، تارىلىپ كېتىشكەنىدى.

تىمىسقىلىماق

  • تىمىسقىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پۇراپ، تۇمشۇقى بىلەن ئۇ يان-بۇ يان ئۆرۈپ ئاقتۇرماق، ئىزلىمەك (ھايۋانلارغا قارىتا):[مىسال:] ئىت يالاق يېنىدا تىمىسقىلاپ يۈرەتتى.[يەشمىسى:] ② ئۇ يان-بۇ يان ئۆرۈپ سەپ-سېلىپ ئاختۇرماق، ئىزلىمەك:[مىسال:] كېيىن مەسچىتنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ تالاغا چىقسام، قاراڭغۇ تام تۈۋىدە غەلىتە بىر ئادەمنىڭ تىمىسقىلاپ يۈرگەنلىكىنى سەزدىم.

تىن

  • تىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەپەس، تىنىق، دەم:[مىسال:] تىن تارتماي ئۆلمەك.

تىنتىشماق

  • تىنتىشماق[يەشمىسى:] «تىنتىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تاغ تامان ئون بەش چېرىك چاپتى ئېتىنى، قەدەمدە تىنتىشتى يول بويلىرىنى.

تىنتىماق

  • تىنتىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پايلاپ، تىڭ تىڭلاپ ئىزدىمەك، ئاختۇرماق:[مىسال:] ھەممە ياقنى تىنتىماق. ئۆينى تىنتىماق.

تىنچ

  • تىنچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قىمىرلىمايدىغان، ھەرىكەت سېزىلمەيدىغان، جىمجىت:[مىسال:] خەتەرلىك دېڭىزنى بېسىپ تىنچ دەرياغا ئۆتتۇق.[يەشمىسى:] ② چۇقان-سۈرەن، ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن خالىي، كىشىنىڭ ئارامىنى بۇزمايدىغان؛ جىم:[مىسال:] تىنچ ئۇخلىماق.[يەشمىسى:] ③ كىشىنى بىزار قىلمايدىغان، خاتىرجەم:[مىسال:] سەن تىنچ — قوشناڭ تىنچ (ماقال).[يەشمىسى:] ④ غەم-ئەندىشە، خەۋپ-خەتەردىن خالىي؛ سالامەت:[مىسال:] تىنچقىنا يېتىپ ئارام ئېلىڭ، بالام، خۇدايىم بىر ساقلىدى دەڭا.[يەشمىسى:] ⑤ ئۇرۇش-جاڭجال، قالايمىقانچىلىقتىن خالىي، تەرتىپ-جەھەتتىن نورمال:[مىسال:] تىنچ تەرەققىيات زورلۇق كۈچ بىلەن بولىدىغان ئۆزگىرىشكە، تەدرىجىي تەرەققىيات ئىنقىلابقا ئورۇن بېرىدۇ.

تىنچ ئوكيان

  • تىنچ ئوكيان[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] يەر شارىدىكى تۆت ئوكياننىڭ ئەڭ چوڭى، ئاراللار ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ چوڭقۇر ئوكيان. ئۇ ئاسىيا، ئوكيانىيە، ئانتاركتىكا، جەبۇبىي ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 179 مىليون 680 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

تىنچ-ئامان

  • تىنچ-ئامان[يەشمىسى:] ساق-سالامەت ۋە خاتىرجەم:[مىسال:] خوتەندىن تىنچ-ئامان كەلدىم.

تىنچ-ئامانلىق

  • تىنچ-ئامانلىق[يەشمىسى:] ساق-سالامەت ۋە خاتىرجەملىك:[مىسال:] موللازەيدىن بۇ ناتونۇش كىشىگە قول بېرىپ كۆرۈشۈپ، تىنچ-ئامانلىق سوراشتى.

تىنچسىز

  • تىنچسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىنچ ئەمەس، تىنچلىقى يوقالغان:[مىسال:] تىنچسىز ھايات.

تىنچسىزلاندۇرماق

  • تىنچسىزلاندۇرماق[يەشمىسى:] «تىنچسىزلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ئىش ئۇنىڭ كۆڭلىنى ھەمىشە تىنچسىزلاندۇراتتى.

تىنچسىزلاندۇرۇلماق

  • تىنچسىزلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تىنچسىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] دەرۋازا ئالدىدا بىرنەچچە يۈز كىشى ئوپۇر-توپۇرلىشىپ تۇراتتى. بۇ ھال خۇددى تىنچسىزلاندۇرۇلغان بال ھەرە ئۇۋىسىدەك، ۋاژ-ۋاژ ئىدى.

تىنچسىزلانماق

  • تىنچسىزلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىنچلىقنى يوقاتماق، تىنچسىز بولماق؛ تەشۋىشكە چۈشمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ ئىچى تىت-تىت بولاتتى، تىنچسىزلىناتتى.

تىنچسىزلىق

  • تىنچسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىنچلىقى يوقالغان، تىنچسىز ھالەت؛ تەشۋىش.

تىنچلاندۇرماق

  • تىنچلاندۇرماق[يەشمىسى:] «تىنچلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھېچ يېرىم ئاغرىمىدى، كۆڭلۈم تاماق تارتماي تۇرىدۇ، دەپ ئاپامنى تىنچلاندۇردۇم.

تىنچلاندۇرۇشماق

  • تىنچلاندۇرۇشماق[يەشمىسى:] «تىنچلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تىنچلاندۇرۇلماق

  • تىنچلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تىنچلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يىغىن قاتناشقۇچىلىرى تىنچلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، يەنە سۆزلەشكە باشلىدى.

تىنچلانماق

  • تىنچلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ۋاراڭ-چۇرۇڭ، جاڭجال، ھەرىكەت قاتارلىقلار توختاپ جىم بولماق:[مىسال:] تىنچلىنايلى قېرىنداشلار، تىنچلىنايلى[يەشمىسى:] ② ھاياجىنىنى، ئاچچىقىنى بېسىپ، ئۆزىنى تۇتماق:[مىسال:] − ئالدىرىما، تىنچلان! − دېدى ئايال كۈلۈپ.[يەشمىسى:] ③ خاتىرجەم بولماق، ئارام تاپماق:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆڭلى بىرئاز تىنچلاندى.[يەشمىسى:] ④ ئۇرۇش ھالىتى، ۋەزىيىتى پەسەيمەك:[مىسال:] ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ ئەل تىنچلاندى.[يەشمىسى:] ⑤ ئاغرىق، دەردتىن، ئازابتىن بىرئاز ئارام تاپماق:[مىسال:] ئۇ باش ئاغرىقىدا «ۋاي-ۋاي» دەپ ئۇخلىيالمىغانىدى. باش توخۇدا بىرئاز تىنچلاندى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پۈتۈن ھەرىكەت، پائالىيەتتىن توختىماق، ئۆلمەك:[مىسال:] ھەممە پوتىيىڭلار ياسىلىپ بولغۇچە ئۆزۈڭلارنىڭ بېشىنى يەپ تىنچلىنىسىلەر-دېدىم ئۇلارغا خاپا بولۇپ.

تىنچلىق

  • تىنچلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىشىنىڭ ئارامىنى بۇزمايدىغان، ۋاراڭ-چۇرۇڭ، ھەر خىل ھەرىكەتلەردىن خالىي ھالەت:[مىسال:] دەرەخ جىم تۇراي دېسىمۇ شامال جىم تۇرغۇزمىغاندەك، بەزىلەر ئۇلارغا تىنچلىق بەرمەيتتى.[يەشمىسى:] ② ئامانلىق، ئامان-ئېسەنلىك:[مىسال:] تىنچلىق سوراشماق.[يەشمىسى:] ③ ئۇرۇش، توقۇنۇش، ماجىرا، جېدەلدىن خالىي ھالەت:[مىسال:] ھەممىگە مەلۇمكى، ئۇرۇش بىلەن تىنچلىق بىر-بىرىگە ئايلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ④ «يوق، يۈز بەرمىدى» دېگەن مەنىدە كېسىم ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ:[مىسال:] قانداق، بىرەر خەۋەر بارمىكىن دېسەم، ھازىرچە تېخى تىنچلىق، خەۋەر كەلسىلا، دەرھال چاقىرتىمىز، دېدى ئۇ ماڭا.

تىنچلىق-ئامانلىق

  • تىنچلىق-ئامانلىق[يەشمىسى:] غەم-ئەندىشە، تەشۋىشتىن خالىي، ساق-سالامەت، خاتىرجەم تۇرمۇش ۋە ئاشۇنداق ھالەت:[مىسال:] شۇ چاغدا ئۆيگە قاۋۇلئاخۇن كىرىپ كەلدى، موماي بىلەن تىنچلىق-ئامانلىق سورىشىپ، كارىۋاتقا كېلىپ ئولتۇردى.

تىنچلىقپەرۋەر

  • تىنچلىقپەرۋەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆز ۋەتىنىنى، خەلقنىڭ تىنچلىقىنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىدىغان:[مىسال:] دۇنيادىكى بارلىق تىنچلىقپەرۋەر خەلقلەر تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرىدۇ.

تىنچلىقپەرۋەرلىك

  • تىنچلىقپەرۋەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىنچلىقنى قىزغىن سۆيۈش، دائىم تىنچلىقنىڭ غېمىنى يېيىش.

تىنچىتماق

  • تىنچىتماق[يەشمىسى:] ① «تىنچىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئايقىز قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، ئۆيدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى تىنچىتىپ قويۇش لازىملىقىنى ئېيتتى.[يەشمىسى:] ② يوق قىلماق، ئۆلتۈرمەك:[مىسال:] قوزغىلاڭنى تىنچىتماق.

تىنچىشماق

  • تىنچىشماق[يەشمىسى:] «تىنچىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ھېرىپ ئاخىرى تىنچىشتى.

تىنچىق

  • تىنچىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شامالسىز، ھاۋاسى نەپەسنى بوغۇپ قويىدىغان، نەم ئىسسىق:[مىسال:] ئىشىكنى ئاچ-تىنچىقتىن قاچ (ماقال).

تىنچىقلىق

  • تىنچىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەم ئىسسىق، شامالسىز، دىمىق ھالەت:[مىسال:] كېچىنىڭ تىنچىقلىقىغا قارىماي، پەنجىرە ھىم يېپىپ قويۇلغانىدى.

تىنچىقماق

  • تىنچىقماق[مىسال:] پ.[يەشمىسى:] نەم ئىسسىق ھاۋانىڭ تىنچىقلىقىدىن نەپەستە قىينالماق:[مىسال:] سالقىن شاماللىق ئاي كېتىپ، كەلدى تومۇزلۇق ئاي يېتىپ. چۆمدى سۈكۈتكە بارچە جاي، ئىسسىق ھاۋادا تىنچىقىپ.

تىنچىتىلماق

  • تىنچىتىلماق[يەشمىسى:] «تىنچىتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قۇترىغان توپىلاڭ تىنچىتىلدى.

تىنچىماق

  • تىنچىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① داۋاملىشىشتىن توختىماق، بېسىلماق:[مىسال:] دۈشمەننىڭ پىلىموتلىرى ئاستا-ئاستا تىنچىدى.[يەشمىسى:] ② ئىش-ھەرىكەت، چۇقان-سۈرەن، ۋاراڭ-چۇرۇڭ توختاپ جىم بولماق:[مىسال:] ھەممىنى ئۆز قولۇم بىلەن بىرمۇبىر ئېنىقلاپ، تۇتۇپ كۆرمىسەم تىنچىمايمەن، دېدى ساتىراش.[يەشمىسى:] ③ تىنچلانماق، خاتىرجەم بولماق:[مىسال:] ئانامنىڭ مانا شادلىق كۈلكىسىنى كۆرۈپلا كۆڭلۈم تىنچىدى.[يەشمىسى:] ④ ئۇرۇش-جېدەلدىن، غەلۋىدىن قۇتۇلۇپ، تىنچ ئۆتمەك:[مىسال:] كېيىنچە يۇرت تىنچىپ قېلىۋىدى، ئاندىن قۇمۇلدىن بالا-چاقىلىرىمنى تۇرپانغا ئالدۇرۇپ كېلىۋالدىم.

تىندۇرما

  • تىندۇرما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىندۇرۇلغان، تىنغان:[مىسال:] تىندۇرما چاچما كان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئېقىن سۇلارنىڭ يۆتكىلىشى نەتىجىسىدە تاغ جىنسلىرى ۋە مىنېرال ئۇۋاقلىرىنىڭ دۆۋىلىنىشى بىلەن قۇرۇقلۇقتا ھاسىل بولغان چۆكمە جىسىملار.

تىندۇرماقⅠ

  • تىندۇرماقⅠ[يەشمىسى:] «تىنماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تاز چىۋىننى قوندۇرماس، چىۋىن تازنى تىندۇرماس (ماقال).

تىندۇرماقⅡ

  • تىندۇرماقⅡ[يەشمىسى:] «تىنماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] لاي سۇنى تىندۇرماق.

تىندۇرۇلماق

  • تىندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تىندۇرماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئازگال تېزلىكتە تىندۇرۇلدى، ۋە يۈرۈش پەرمانى بېرىلدى.

تىنما

  • تىنما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىندۇرۇلغان، چۆكمە:[مىسال:] تىنما قاتلام.

تىنما قاتلام

  • تىنما قاتلام[يەشمىسى:] «چۆكمە قاتلام»غا قاراڭ.

تىنماقⅠ

  • تىنماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆپكىسىگە تازا ھاۋا سۈمۈرۈپ، ئاندىن سىرتقا چىقارماق:[مىسال:] ئابدۇكېرىم بىر تىنىۋالدى.[يەشمىسى:] ② ئىشتىن، ھەرىكەتتىن توختىماق، ئارام ئالماق:[مىسال:] يىراقتىن خوتۇن ئالساڭ، ئۇلىغىڭ تىنماس، يېقىندىن خوتۇن ئالساڭ، قۇلىقىڭ تىنماس (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئېيتماق، دېمەك:[مىسال:] بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماڭ.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەشۋىش، ئەنسىرەشتىن توختىماق، خاتىرجەم بولماق:[مىسال:] كۈرە يولىدا يۈرۈپ، مەپەڭ سۇندىمۇ شەنگەن سادىرنى تۇتۇپ بېرىپ، كۆڭلۈڭ تىندىمۇ شەنگەن

تىنماقⅡ

  • تىنماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىچىدىكى قۇم، لاتقىلار چۆكۈپ، سۈزۈلمەك، تازا بولماق:[مىسال:] ئەمدىلا ئۆستەڭدىن ئەكىرگەن سۇ تىنىپ سۈزۈلۈشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ② چوڭقۇرلۇق چۆكۈندى توپا، قۇم قاتارلىقلار بىلەن توشۇپ كەتمەك:[مىسال:] مانا شۇنداق كەڭ زېمىن پۈتۈنلەي قۇم بىلەن تىنىپ كەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ③ بوش يېرى قالماي، تىقىلماق:[مىسال:] سېنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭ جىنايەت بىلەن تىنىپ كەتكەن.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاراڭغۇلاشماق، خىرەلەشمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزلىرى تىنىپ، لەۋلىرى ئاقاردى.

تىنىش

  • تىنىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توختاش، ئارام ئېلىش:[مىسال:] تىنىش بەلگىلىرى.

تىنىش بەلگىلىرى

  • تىنىش بەلگىلىرى[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] جۈملىنىڭ ئوقۇلۇشى، ئىنتوناتسىيىسى، قەيەردە تىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدىغان مەخسۇس يازما بەلگىلەر. ئۇيغۇر تىلىدا ئاساسەن تۆۋەندىكى تىنىش بەلگىلىرى قوللىنىلىدۇ: چىكىت (.)، سوئال ()، ئۈندەش ()، پەش (، ) چېكىتلىك پەش (؛)، قوش چېكىت (:)، قوش تىرناق («»)، يالاڭ تىرناق، (><)، تىرناق (()) سىزىق (—)، سىزىقچە (-)، كۆپ چېكىت (...).

تىنىشماق

  • تىنىشماق[يەشمىسى:] «تىنماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھەر ئىككىيلەن تەڭلا ئۇلۇغ-كىچىك تىنىشتى.

تىنىقⅠ

  • تىنىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تىنىپ، ئىچىدىن چىقىرىلغان ھاۋا، نەپەس:[مىسال:] روزى كۆزىنى ئاچمايتتى. ئەكسىچە، تىنىقى تېزلىشىپ، پۈكلىنىپ، داق يەرگە بارغانسېرى ئېغىر پاتماقتا ئىدى.[يەشمىسى:] ② ناھايىتى قىسقا ۋاقىت، دەم:[مىسال:] يەلپۈگۈچ بىرتىنىقمۇ توختىماستىن قولدىن قولغا يۆتكىلىپ تۇراتتى.

تىنىقى توختىماق

  • تىنىقى توختىماق[يەشمىسى:] ئۆلمەك:[مىسال:] خالىقجان، سىلەر يېتىپ بارغان، ئازادگۈلنىڭ تىنىقى توختىغىنىغا قانچىلىك ۋاقىت بولۇپتىكەن

تىنىقⅡ

  • تىنىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تەركىبىدىكى قۇم، لاتقىلار تىنىپ سۈزۈلگەن، ساپ، سۈزۈك:[مىسال:] ئاسمانمۇ بۇلاق سۈيىدەك سۈزۈك، كۆل سۈيىدەك تىنىق. قۇياشمۇ ئاجايىپ مۇلايىم كۈلۈمسىرەيدۇ.[يەشمىسى:] ② چاڭ-توزاندىن خالىي، شامالسىز، سۈزۈك:[مىسال:] ھاۋا ئوچۇق، ئاسمان تىنىق.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئالامەت كۆرۈنمەيدىغان (كۆز ھەققىدە):[مىسال:] ۋاڭنىڭ كىشىلەرگە ئاسانلىقچە ئىپادە كۆرسەتمەيدىغان تىنىق كۆزلىرىگە بىر خىل خۇشاللىق يوشۇرۇنغانىدى.

تىنىقسىز

  • تىنىقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىنىق يوق، تىنىقى توختىغان:[مىسال:] بىز بالىنى سۇدىن سۈزۈپلا قولىمىزنى بۇرۇن ۋە كۆكسىگە قويدۇق. بالا تىنىقسىز بولۇپ، جان ئۈزگەنىدى.

تىنىقلىق

  • تىنىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىنىق ھالەت:[مىسال:] گۈلخاننىڭ قويۇق ئىسلىرى ھاۋانىڭ تىنىقلىقىدا توپتوغرا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، خۇددى بىر كۆكۈچ ئېگىز تۈۋرۈكنى ھاسىل قىلماقتا ئىدى.

تىنىم

  • تىنىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەرىكەتتىن خالىي ۋاقىت ياكى ھالەت، ئارام:[مىسال:] ئۇنىڭغا كېچە-كۈندۈز تىنىم يوق.

تىنىمسىز

  • تىنىمسىز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىكار، تىنچ تۇرمايدىغان؛ ھەرىكەتچان:[مىسال:] ئەركىن سەكرەپ ئېتىدىن چۈشۈپ، چىلىق تەرگە چۆمگەن، تىنىمسىز بوز ئاتنى ئالدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] توختىماي، جىم تۇرماي، ئۈزلۈكسىز:[مىسال:] ئۇ ئاللىقانداق خىياللار بىلەن ئۆينىڭ ئىچىدە تىنىمسىز ماڭاتتى.

تىنىمسىزلىق

  • تىنىمسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىنىمسىز ھالەت.

تىۋەزۇن

  • تىۋەزۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كىچىك پالتا.

تىۋىت

  • تىۋىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھايۋانلار تېنىنىڭ سىرتىغا ۋە بەزى ئەزالىرىنىڭ ئىچكى دىۋارىغا ئۈنگەن قىسقا ھەم يۇمشاق موي، تۈك:[مىسال:] ئۆچكە تىۋىتى. تۆگە تىۋىتى. ئاشقازان تىۋىتى. تىۋىت تارتماق.[يەشمىسى:] ② توقۇلما بۇيۇملار يۈزىدە بىر قەۋەت بولىدىغان قىسقا، ئىنچىكە ۋە يۇمشاق كېلىدىغان تۈكسىمان تالا:[مىسال:] تىۋىت شال.

تىۋىتسىز

  • تىۋىتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىۋىتى يوق، يۈزىگە تىۋىت چىقىرىلمىغان:[مىسال:] تىۋىتسىز رەخت.

تىۋىتلىق

  • تىۋىتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىۋىتى بار، تىۋىت چىقىرىپ توقۇلغان:[مىسال:] تىۋىتلىق پەردە.

تىۋىتلىق پەردە

  • تىۋىتلىق پەردە[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] تۆرەلمىنى ئورىغۇچى ئورتا قەۋەت. سىرتقى يۈزىدە تىۋىت شەكلىدىكى نۇرغۇنلىغان كىچىك بۆرتمىلەر بولىدۇ. ئانا تېنى بىلەن ماددا ئالماشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

تىۋىش

  • تىۋىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مەلۇم ھەرىكەتتىن ئاڭلانغان ئاۋاز، شەپە:[مىسال:] تاشقىرىدا دۈپۈرلىگەن ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسە ھەققىدىكى ئۇچۇر، شەپە، خەۋەر:[مىسال:] كەچ پېشىنگىچە ھېچ يەردىن ئۇنىڭ تىۋىشىنى ئالالمىدى.

تىۋىشسىز

  • تىۋىشسىز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاۋاز ۋە شەپىدىن خالىي، جىمجىت:[مىسال:] ھويلا تامامەن تىۋىشسىز ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھېچقانداق ئاۋاز ۋە شەپە چىقارماي، ئاستاغىنە:[مىسال:] تۈن ھەسسە ئالىم ئاكام كەلدى ئىشىككە، ئىشىكنى پەم بىلەن ئاچتۇق تىۋىشسىز.

تىياتىر

  • تىياتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىشى ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر خىل سەنئەت، يەنى ئىپادىلەش سەنئىتىنى مەركەز قىلغان ئەدەبىيات، مۇزىكا، ئۇسسۇل قاتارلىقلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى. ئۇ ئادەتتە دراما، ئوپېرا، بالېت قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.

تىياتىرچىلىق

  • تىياتىرچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىياتىر ئويناش، قويۇش كەسپى:[مىسال:] تىياتىرچىلىق سەنئىتى.

تىياتىرخانا

  • تىياتىرخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىياتىر<[يەشمىسى:] تىياتىر نومۇرلىرى كۆرسىتىلىدىغان كۇلۇب.

تىياتىرلاشتۇرماق

  • تىياتىرلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «تىياتىرلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تىياتىرلاشتۇرۇشماق

  • تىياتىرلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «تىياتىرلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تىياتىرلاشتۇرۇلماق

  • تىياتىرلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «تىياتىرلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

تىياتىرلاشماق

  • تىياتىرلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىياتىر شەكلىدە ئەكس ئەتتۈرۈلمەك، تىياتىر قىلىپ ئوينالماق.

تىيدۇرماق

  • تىيدۇرماق[يەشمىسى:] «تىيماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

تىيزا

  • تىيزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] قەغەز پۇل.

تىيلىق

  • تىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈگمەن تېشىنىڭ يۈزىنى چېكىپ ياسايدىغان مېتىن.

تىيىشماق

  • تىيىشماق[يەشمىسى:] «تىيماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

تىيماق

  • تىيماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يىغماق؛ توختاتماق؛ تارتماق:[مىسال:] كۆزۈڭ ئاغرىسا، قولۇڭنى تىي، قورسىقىڭ ئاغرىسا، گېلىڭنى تىي (ماقال).

تىيىلماق

  • تىيىلماق[يەشمىسى:] «تىيماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] سەمەت ئاكام ئاچچىقلىنىپ ۋارقىرىغاندىن كېيىن، ئاغزى بىرئاز تىيىلدى.

تىيىنⅠ

  • تىيىنⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئون داچەن قىممىتىگە ئىگە چوڭ مىس پۇل، تومپۇر.[يەشمىسى:] ② بىر كوينىڭ يۈزدىن بىرى، سىنت.

تىيىنⅡ

  • تىيىنⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. سىرتقى شەكلى چاشقانغا ئوخشايدۇ، تېنى چاشقاندىن سەل چوڭراق كېلىدۇ؛ قۇيرۇقى ئالاھىدە چوڭ بولۇپ، چېچىلىپ تۇرىدۇ. تىيىن ئادەتتە قارىغايلىقتا ياشايدۇ.

تىيىنلىق

  • تىيىنلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىيىن قىممىتىگە ئىگە بولغان، تىيىنغا يارايدىغان.