ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

18 ك 🔗

ك

كابېل

كابىنكا

كاپⅠ

كاپقا كەلمەك

كاپⅡ

كاپⅢ

كاپالەت

كاپالەتسىز

كاپالەتسىزلىك

كاپالەتلەندۈرمەك

كاپالەتلەندۈرۈشمەك

كاپالەتلەندۈرۈلمەك

كاپالەتلەنمەك

كاپالەتلىك

كاپالەتنامە

كاپام

كاپاملاتماق

كاپاملاشماق

كاپاملىماق

كاپپىدە

كاپراس

كاپرون

كاپرىس

كاپسۇلⅠ

كاپسۇلⅡ

كاپسۇللۇق

كاپشىتماق

كاپشىشماق

كاپشىماق

كاپ-كاپ

كاپ-كۇپ

كاپلاتماق

كاپلاشماق

كاپلانماق

كاپلىغۇچ

كاپلىماق

كاپوت

كاپىتال

كاپىتاللىق

كاپىتالىزم

كاپىتالىزملىق

كاپىتالىست

كاپىتان

كاپىر

كاپىرلىق

كاپىلداتماق

كاپىلداشماق

كاپىلدىماق

كاپىلليار

كاپىلليارلىق

كات

كاتاپ

كاتاڭ

كاتاڭلاشماق

كاتاڭلىق

كاتالپا

كاتالوگ

كاتالىزاتور

كاتالىزاتورلۇق

كاتايا

كاتەك

كاتەكچەⅠ

كاتەكچەⅡ

كاتەكلىك

كاتتا

كاتتىلىق

كاتتىۋاش

كاتساندۇق

كاتلېت

كاتھىندى

كاتود

كاتولىك

كاتۇشكا

كاتېت

كاتېتىر

كاتېر

كاتېگورىيە

كاتىبات

كاتىباتلىق

كاتىپ

كاتىپلىق

كاتىۋال

كاتىۋاللىق

كاتيۇشا

كاج

كاجانىس

كاجلاشتۇرماق

كاجلاشماق

كاجلىق

كاجۇ

كاجۇپ

كاجۇۋا

كاجى

كاچات

كاچاتلاتماق

كاچاتلاشماق

كاچاتلىماق

كاچكۇل

كاخېكسىيە

كادمىي

كادىر

كادىرلىق

كارⅠ

كارⅡ

كارابىن

كاراپ

كارات

كاراس

كاراسسىدە

كاراس-كاراس

كاراس-كۇرۇس

كاراسلاتماق

كاراسلاشماق

كاراسلىماق

كاراك

كارامەت

كارامەتچى

كارامەتلىك

كارانتىن

كارايەت

كارەك

كاربازول

كاربوكسىل

كاربون

كاربون (Ⅳ) ئوكسىد

كاربونلۇق

كاربونىل

كاربىد

كاربىلئامىن

كاربيوراتور

كارت

كارتا

كارتتىدە

كارت-كارت

كارت-كۇرت

كارتوگراف

كارتوگرافىيە

كارتون

كارتون فىلىم

كارتۇشكا

كارتېل

كارتىلداتماق

كارتىلدىماق

كارخانا

كارخانىچى

كارخانىلاشتۇرماق

كارخانىلاشتۇرۇلماق

كارخانىلاشماق

كاردار

كارداڭ

كاردىنال

كاردىناللىق

كاررىدە

كارساڭ

كار-كار

كاركىراتماق

كاركىراشماق

كاركىرىماق

كارگەر

كارناللىت

كاروتىن

كارول

كاروللۇق

كارۋان

كارۋانچىلىق

كارىدور

كارىدورلۇق

كارىز

كارىزچى

كارىزچىلىق

كارىزلىق

كارىست

كارىلداتماق

كارىلداشماق

كارىلدىماق

كارىۋات

كارىۋاتلىق

كاززاپ

كاززاپلىق

كازۇئارىن

كازېئىن

كاژ

كاژ-كۇژ

كاژىلداتماق

كاژىلداشماق

كاژىلدىماق

كاس

كاسا

كاساپەت

كاساپىتى تەگمەك

كاساپىتىگە كەتمەك

كاساپەتچىلىك

كاسات

كاساتچىلىق

كاساتلاشتۇرماق

كاساتلاشتۇرۇشماق

كاساتلاشتۇرۇلماق

كاساتلاشماق

كاساتلىق

كاساس

كاساڭ

كاساڭچى

كاستۇم

كاستۇم-بۇرۇلكا

كاستۇملۇق

كاستۇم-يوپكا

كاسسا

كاسسىدە

كاسسىر

كاسسىرلىق

كاسكاⅠ

كاسكاⅡ

كاسكاس

كاس-كاس

كاسكاسلىق

كاسىپ

كاسىپلىق

كاسىلاتماق

كاسىلاشماق

كاسىلانماق

كاسىلداتماق

كاسىلداشماق

كاسىلدىماق

كاسىلىق

كاسىلىماق

كاسىمىق

كاسىنا

كاسىنە

كاسىنىچى

كاسىنىچىلىق

كاسىۋال

كاشا

كاشتان

كاشتانلىق

كاشكاپ

كاشكى

كاشى

كاشىلا

كاشىلىسىز

كاشىلىق

كاشىم

كافې

كافېدرا

كاكا

كاكار

كاكائو

كاكتۇس

كاكچا

كاككۇك

كاككۇكگۈل

كاكىسالتاڭ

كاكىل

كاكىللىق

كاكىلىماق

كاكىنەچ

كاڭⅠ

كاڭⅡ

كاڭشىتماق

كاڭشىشماق

كاڭشىماق

كاڭكاⅠ

كاڭكاⅡ

كاڭ-كاڭ

كاڭكىلىماش

كاڭلىق

كاڭمەنزە

كاڭىلدىماق

كالاⅠ

كالاⅡ

كالاچ

كالاسكا

كالاڭ

كالاڭچۇر

كالام

كالامۇس

كالامۇللا

كالامۇللا ئۇرسۇن

كالامىتېس

كالامىشېرىپ

كالان

كالانپاي

كالانپايلاشتۇرماق

كالانپايلاشماق

كالانپايلىق

كالپۇك

كالپۇكىنى چىشلىمەك

كالپۇكسىمان

كالپۇكلۇق

كالتە

كالتە قوشۇقنىڭ سېپى تەگمەك

كالتە قۇيرۇق

كالتەك

كالتەك توپ

كالتەكچى

كالتەكلەتمەك

كالتەكلەشمەك

كالتەكلەنمەك

كالتەكلىمەك

كالتە-كۆسەي

كالتە-كۈتە

كالتىساق

كالتسىت

كالتسىي

كالتسىيلاشتۇرماق

كالتسىيلاشتۇرۇلماق

كالتسىيلاشماق

كالچاڭ

كالچايتماق

كالچايماق

كالچىيىشماق

كالدىر

كالدىر-كالدىر

كالدىر-كۇلدۇر

كالدىرلاتماق

كالدىرلاشماق

كالدىرلىماق

كاللا

كاللا دېسە، پاقالچاق دېمەك

كاللا سوقۇشتۇرماق

كاللىسىدىن تۈڭلۈك ئاچماق

كاللىسىدىن ئۆتمەك

كاللىسىدىن ئىس چىقماق

كاللىسى قاتماق

كاللىسى قىزىپ كەتمەك

كاللىسىنى سىلكىۋەتمەك

كاللىمۇ يېمەي چىشمۇ چاقماي

كاللا-پاچاق

كاللەك

كاللەكبەسەي

كاللەك-كاللەك

كاللەكلەشتۈرمەك

كاللەكلەشتۈرۈلمەك

كاللەكلەشمەك

كاللەكلەنمەك

كاللەكلىمەك

كاللىپاي

كاللىپەز

كاللىپەزخانا

كاللىپەزلىك

كاللىگىر

كاللىماشاڭ

كالورىمېتىر

كالورىيە

كالوگ

كالومېل

كالون

كالوننا

كالۇ

كالۋا

كالۋالاشتۇرماق

كالۋالاشتۇرۇلماق

كالۋالاشماق

كالۋالىق

كالۋۇتۇن

كالېندار

كالېندارچىلىق

كالېندارلىق

كالىبىر

كالىبىرلىق

كالىچىلىق

كالىفۇرنىي

كالىقۇلاق

كالىكەندىر

كالىكومشار

كالىكومشارلىق

كالىنا

كالىۋا

كالىي

كالىيلىق

كامار

كامالⅠ

كامالⅡ

كامالەت

كامالەتلىك

كامالەك

كامان

كامانچە

كامانچىلىق

كاماندار

كاماندارلىق

كاماندروپكا

كامبالا

كامپاش

كامفارا

كامفان

كامفورا

كامېر

كامېرتون

كامىل

كامىلا

كان

كانا

كاناپ

كانارⅠ

كانارⅡ

كانارا

كانال

كاناي

كانىيىغا تىقماق

كانىيىغا ئۇرماق

كانىيىغا ئېسىلماق

كانىيىنى مايلىماق

كانىيىنى ياغلىماق

كانىيى يوغىناپ كەتمەك

كانىيى يىرتىلغۇچە

كانايچە

كانايچى

كاناي-سۇناي

كانايگۈل

كانايلىق

كانت

كانتۇ

كانتىزم

كانجا

كانجىلاتماق

كانجىلاشماق

كانجىلانماق

كانجىلىماق

كانچى

كانچىلىق

كاندۇك

كاندۇكلاتماق

كاندۇكلاشتۇرماق

كاندۇكلاشتۇرۇلماق

كاندۇكلاشماق

كاندۇكلىماق

كاندېلا

كاندىدات

كاندىداتلىق

كانشۇناس

كانشۇناسلىق

كانكى

كانتىگۈل

كانۋا

كانىماش

كانىنون

كانيەك

كاھⅠ

كاھⅡ

كاھⅢ

كاھىش

كاھىشچى

كاھىشلىق

كاھىن

كاھىنلىق

كاۋا

كاۋاپ

كاۋاپمۇ كۆيمىسۇن، زىخمۇ كۆيمىسۇن

كاۋاپچى

كاۋاپچىلىق

كاۋاپخانا

كاۋاپدان

كاۋاش

كاۋا-قاپاق

كاۋاك

كاۋاكلاشماق

كاۋاكلىق

كاۋاۋىچىن

كاۋچوك

كائىنات

كاياك

كايىتماق

كايىشماق

كايىماق

كەبە

كەبى

كەبىسە

كەپⅠ

كەپⅡ

كەپەⅠ

كەپەⅡ

كەپتاۋۇل

كەپتەر

كەپتەرخانا

كەپتەرۋاز

كەپتەرۋازلىق

كەپتۈك

كەپسەن

كەپسەنچى

كەپسەنچىلىك

كەپسىز

كەپسىزلەشمەك

كەپسىزلىك

كەپشەر

كەپشەرچى

كەپشەرچىلىك

كەپشەرلەتمەك

كەپشەرلەشمەك

كەپشەرلەنمەك

كەپشەرلىك

كەپشەرلىگۈچ

كەپشەرلىمەك

كەپكە

كەپكۈر

كەپكىچان

كەپكىسىز

كەپكىلىك

كەپلەتمەك

كەپلەشتۈرمەك

كەپلەشتۈرۈلمەك

كەپلەشمەك

كەپلەنمەك

كەپلىمەك

كەپىش

كەترەن

كەتكۈزمەك

كەتكۈزۈلمەك

كەتمەك

كەتمەن

كەتمەن سېپىنى تۇتۇپ باقمىغان

كەتمىنىنى چاپماق

كەتمەنچى

كەتمەنقوڭغۇز

كەتو

كەتىرا

كەتىل

كەتىمەك

كەتىۋال

كەچ

كەچقۇرۇن

كەچقۇرۇنقى

كەچقۇرۇنلۇق

كەچقۇرۇنلۇقى

كەچكى

كەچكىچە

كەچلىك

كەچلىمەك

كەچمەك

كەچمىش

كەچمىش-كەچۈرمىش

كەچۈرگۈسىز

كەچۈرمە

كەچۈرمەك

كەچۈرمىش

كەچۈرۈشمەك

كەچۈرۈلمەك

كەچۈرۈم

كەر

كەرەپشە

كەرەشمە

كەرەم

كەرەملىك

كەرتمەك

كەرتىك

كەرتىلمەك

كەرتىم

كەررە

كەررەك

كەررىلەتمەك

كەررىلەشمەك

كەررىلەنمەك

كەررىلىمەك

كەركىدان

كەركىدانگۈل

كەرگەⅠ

كەرگەⅡ

كەرگۈزمەك

كەرمان

كەرمەك

كەرىقۇر

كەرىك

كەز

كەزدۈرمەك

كەزدۈرۈلمەك

كەزمەك

كەسپىي

كەستۈرمەك

كەس-كەسلا

كەسكەك

كەسكەكچى

كەسكۈچى

كەسكىن

كەسكىنلەشتۈرمەك

كەسكىنلەشتۈرۈشمەك

كەسكىنلەشتۈرۈلمەك

كەسكىنلەشمەك

كەسكىنلىك

كەسلەتمەك

كەسلەشمەك

كەسلەم

كەسلەملىك

كەسلەنچۈك

كەسلەندى

كەسلەنمەك

كەسلىمەك

كەسمە

كەسمەك

كەسىپ

كەسىپچانلىق

كەسىپدار

كەسىپداش

كەسىپداشلىق

كەسىپسىز

كەسىپلەشتۈرمەك

كەسىپلەشتۈرۈلمەك

كەسىپلەشمەك

كەسىر

كەسىر سان

كەسىرسىز

كەسىرلىك

كەش

كەش بازىرىدا قالماق

كەشىنى توغرىلىماق

كەشىنى قولتۇقلىماق

كەشىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ قويماق

كەشىنى قولتۇقىغا قىسماق

كەشىنى قېقىپ

كەشىنىڭ چۈشۈپ قالغىنىغا قارىماي

كەشىنىڭ سوڭىدا ناس كاپ ئېتىدىغان

كەشپىيات

كەشپىياتچى

كەشپىياتچىلىق

كەشتە

كەشتىچى

كەشتىچىلىك

كەشتىلەتمەك

كەشتىلەشمەك

كەشتىلەنمەك

كەشتىلىك

كەشتىلىمەك

كەشكۈن

كەشىپ

كەك

كەكە

كەكرە

كەكرىلىك

كەكلىك

كەكلىكۋاز

كەكىساقال

كەڭ

كەڭ بۇلۇڭ

كەڭ قورساق

كەڭ قول

كەڭتاشا

كەڭتاشالىق

كەڭچىلىك

كەڭرى

كەڭرىتمەك

كەڭرىتىشمەك

كەڭرىتىلمەك

كەڭرىچىلىك

كەڭرىمەك

كەڭ-كەڭرى

كەڭ-كۇشادە

كەڭكى

كەڭلىك

كەلپىغۇن

كەلتۈرمەك

كەلتۈرۈلمەك

كەلدى-باردى

كەلدى-كەتتى

كەلسە-كەلمەس

كەلكۈن

كەلگۈسى

كەلگۈسىپەرەس

كەلگۈسىشۇناس

كەلگۈلۈك

كەلگۈندى

كەلمەك

كېلىپ چىقماق

كەلمەكلىك

كەلىمە

كەمⅠ

كەم دېگەندە

كەم سۇندۇرماق

كەمⅡ

كەمەر

كەمەك

كەمەك ھەييار

كەمەلدۈرۈك

كەمەن

كەمبەغەل

كەمبەغەلچىلىك

كەمبەغەللەشتۈرمەك

كەمبەغەللەشتۈرۈشمەك

كەمبەغەللەشتۈرۈلمەك

كەمبەغەللەشمەك

كەمبەغەللىك

كەمپۈت

كەمپىر

كەمتەر

كەمتەرانە

كەمتەرلىك

كەمتەرىن

كەمتۈك

كەمتۈكلەشتۈرمەك

كەمتۈكلەشمەك

كەمتۈكلۈك

كەمچەت

كەمچەن

كەمچەنلەتمەك

كەمچەنلەشمەك

كەمچەنلەنمەك

كەمچەنلىمەك

كەمچىل

كەمچىللىك

كەمچىلىك

كەمچىلىكسىز

كەمدىن-كەم

كەمزۇل

كەمزۇللۇق

كەمسىتمەك

كەمسىتىشمەك

كەمسىتىلمەك

كەمشۈك

كەم-كۈتە

كەم-كۈتىسىز

كەم-كۈسە

كەملەتمەكⅠ

كەملەتمەكⅡ

كەملەشمەك

كەملەنمەك

كەملىك

كەملىمەكⅠ

كەملىمەكⅡ

كەمىنە

كەنە

كەنت

كەنجەر

كەنجى

كەندىرⅠ

كەندىر يېگەن خورازدەك

كەندىرⅡ

كەندىرسىمان

كەندىرلىك

كەھرىۋا

كەۋرەك

كەۋزە

كەۋسەر

كەيپ

كەيپچىلىك

كەيپ-ساپا

كەيپسىز

كەيپسىزلەندۈرمەك

كەيپسىزلەنمەك

كەيپسىزلىك

كەيپىيات

كەيلۈك

كەيمە

كەين (كەينى)

كەينىگە سىيمەك

كەينىنى قىلماق

كەينىچە

كەينىچىلەپ

كەينى-كەينىدىن

كراخمال

كراخماللاتماق

كراخماللانماق

كراخماللىق

كراخماللىماق

كران

كرانلىق

كروزېرو

كرونا

كرېتىن

كرېدىت

كرېست

كرىپتون

كرېيسېر

كرىتىك

كرىزىس

كرىستال

كرىستالسىز

كرىستاللانماق

كرىستاللوگرافىيە

كرىستاللىق

كرىستاللىنىش

كرىئولىت

كسانتوفىل

كسېنوتىم

كسېنون

كلاپان

كلارك

كلارنېت

كلاس

كلاسسىزم

كلاسسىفىكاتسىيە

كلاسسىفىكاتسىيىلەنمەك

كلاسسىفىكاتسىيىلىمەك

كلاسسىك

كلاۋىئاتور

كلاۋىش

كلىنومېتىر

كلىنىكا

كلىنىكىلىق

كوبالت

كوپ

كوپپىدە

كوپتا

كوپۇش

كوپېرنىك

كوپىراتسىيە

كوپىراتسىيىلەشتۈرمەك

كوپىراتسىيىلەشتۈرۈشمەك

كوپىراتسىيىلەشتۈرۈلمەك

كوپىراتسىيىلەشمەك

كوپىراتىپ

كوپىيە

كوت

كوتا

كوتانگېنس

كوت-كوت

كوتۇلداتماق

كوتۇلداشماق

كوتۇلدىماق

كوتىرناق

كوتىنۇس

كوچاⅠ

كوچا ئاپتوبۇسى

كوچىغا چىقىپ قالماق

كوچاⅡ

كوچا-كوي

كوچىگار

كوچىلاتماق

كوچىلاشتۇرماق

كوچىلاشماق

كوچىلانماق

كوچىلىماق

كوچىمۇكوچا

كود

كودەي

كودېئىن

كودىلوس

كورⅠ

كورⅡ

كورا

كوراچ

كورەك

كورپۇس

كورت

كورتىزون

كوردوبا

كوردىيېرىت

كوررېكتور

كوررېكتورلۇق

كوررىدە

كوررىدىل

كور-كور

كوركىراتماق

كوركىراشماق

كوركىرام

كوركىرىما

كوركىرىماق

كورلۇق

كورنۇس

كورنېت

كوروپكا

كورونوگراف

كورۇفائېنا

كورۇلداتماق

كورۇلدىماق

كورۇنا

كورىلۇس

كوزا

كوزا-كوزاڭ

كوزۇپ

كوزۇپلۇق

كوزىچى

كوزىر

كوسⅠ

كورت

كوساⅡ

كوساتماق

كوسپاڭ

كوسسىدە

كوس-كوس

كوسموپولىتىزم

كوسۇغۇر

كوسۇلداتماق

كوسۇلداشماق

كوسۇلدىماق

كوسېكانس

كوسىلىق

كوسىنوس

كوفېئىن

كوكا

كوكات

كوكاتلىق

كوكائىن

كوكس

كوكسلاندۇرماق

كوكسلاندۇرۇلماق

كوكسلانماق

كوكۇس

كوكۇلا

كوكۇلىلىق

كوكۇنە

كوكۇنچىلىق

كوڭتەي

كوڭكا

كولاتماق

كولاشتۇرماق

كولاشماق

كولانماق

كولبا

كولباسا

كولخوز

كولخوزچى

كولخوزلاشتۇرماق

كولخوزلاشتۇرۇلماق

كولخوزلاشماق

كولدۇر

كولدۇر-كولدۇر

كولدۇرلاتماق

كولدۇرلاشماق

كولدۇرلىماق

كولدۇرما

كولدۇرمىلىق

كولكاز

كوللاپىس

كوللوزا

كوللوزىلىق

كوللوئىد

كوللېكتور

كوللېكتىپ

كوللېكتىپچىلىق

كوللېكتىپلاشتۇرماق

كوللېكتىپلاشتۇرۇلماق

كوللېكتىپلاشماق

كوللېكتىپلىق

كوللېكتىۋىزم

كوللېكتىۋىزملىق

كوللېگىيە

كولون

كولىغۇچ

كولىما

كولىماق

كوم

كوماك

كوماندا

كوماندىر

كوماندىرلىق

كومبايىن

كومبايىنچى

كومپارتىيە

كومپاس

كومپانىيە

كومپرادور

كومپلېمېنت

كومپوزىتسىيە

كومپوزىتور

كومپوزىتورلۇق

كومپېنساتسىيە

كومپيۇتېر

كومزەك

كومسومول

كومشار

كومشايتماق

كومشايماق

كوم-كوم

كوم-كومچى

كوممۇنا

كوممۇنىزم

كوممۇنىزمچى

كوممۇنىزملىق

كوممۇنىست

كوممۇنىستىك

كوممۇنىستلارچە

كوممىدە

كومورو

كومۇلداتماق

كومۇلدىماق

كومېتا

كومېدىيە

كومېدىيىلىك

كومىتېت

كومىسسار

كومىسسارىيات

كومىسسىيە

كومىسسىيون

كونا

كونا خاماننى سورىماق

كونا سەنەمگە دەسسىمەك

كونا سەنەمگە ئۇسسۇل ئوينىماق

كونا قېلىپ

كونا كېسىلى قوزغالماق

كونا مۇقام

كونا ئۇستىخاننى غاجىماق

كونارتىشماق

كونارتىلماق

كونارماق

كونتاكت

كونتاكتلىق

كونتراست

كونترول

كونترولچان

كونترولچانلىق

كونتروللاش

كونتروللۇق

كونتروللىماق

كونتېكىست

كونتېكىستسىز

كونتېكىستشۇناس

كونتېكىستشۇناسلىق

كوندۇكتور

كوندىناتور

كوندېنساتور

كونسىپىك

كونسۇل

كونسۇلتاتسىيە

كونسۇلخانا

كونسۇللۇق

كونسېرت

كونسېرن

كونسېرۋا

كونسېرۋاتور

كونسېرۋاتىپ

كونسېرۋاتىپلىق

كونسېرۋاتىزم

كونسېسسىيە

كونكرېت

كونكرېتلاشتۇرماق

كونكرېتلاشتۇرۇلماق

كونكرېتلاشماق

كونكرېتلىق

كونۇس

كونۇسسىمان

كونۋېرت

كونۋېرتسىز

كونۋېرتلىق

كونۋېكسىيە

كونۋېكسىيىلىك

كونىچە

كونىلىق

كوئوردېنات

كوۋا

كوۋۇك

كوئېففېتسېنت

كويⅠ

كويⅡ

كويⅢ

كويچەن

كويزا

كويزا-كىشەن

كويلا

كويلۇق

كويۇش

كۇب

كۇبانكا

كۇپايە

كۇپايىلەنمەك

كۇپايىلىنىشمەك

كۇپپار

كۇپپارلىق

كۇپلېت

كۇپلېتسىز

كۇپلېتلىق

كۇپۇر

كۇپۇرانە

كۇپۇرانىلىق

كۇپۇرلۇق

كۇت

كۇتكويلۇق

كۇت-كۇت

كۇتلا

كۇتۇبىم

كۇتۇپخانا

كۇتۇلداشماق

كۇتۇلدىماق

كۇچۇلا

كۇدرانىيە

كۇدۇڭداس

كۇر

كۇررەك

كۇررىدە

كۇرسⅠ

كۇرسⅡ

كۇرسانت

كۇرسى

كۇر-كۇر

كۇرۇژوك

كۇرۇشكا

كۇس

كۇسار

كۇسارچان

كۇسپاڭ

كۇسسىدە

كۇس-كۇس

كۇسۇر

كۇسۇر-كۇسۇر

كۇسۇرلاشماق

كۇسۇرلىماق

كۇسۇڭ

كۇسۇڭ-كۇسۇڭ

كۇسۇلداشماق

كۇسۇلدىماق

كۇش

كۇشادە

كۇشادىچىلىق

كۇشادىلىق

كۇش-كۇش

كۇشۇلداشماق

كۇشۇلدىماق

كۇكۇ

كۇكۇم

كۇكۇم-تالقان

كۇڭ

كۇلا

كۇلال

كۇلالچى

كۇلالچىلىق

كۇلاھ

كۇلاھ-جەندە

كۇلاھلىق

كۇلتېر

كۇلتىۋاتسىيە

كۇلتىۋاتور

كۇلمىناتسىيە

كۇلۇن

كۇلۇنمېتىر

كۇلۇب

كۇلۇچ

كۇلۇك

كۇلۇڭ

كۇلى

كۇمپەيكۇم

كۇموس

كۇمۇش

كۇمۇتا

كۇمۇلەك

كۇمىلاچ

كۇمىلاچلاتماق

كۇمىلاچلاشماق

كۇمىلاچلانماق

كۇمىلاچلىماق

كۇننۇس

كۇنۇپكا

كۇھ

كۇھىقاپ

كۇۋاس

كۆپ

كۆپ چىكىت

كۆپ خانىلىق سان

كۆپ مەنىلىك سۆز

كۆپەيتكۈچى

كۆپەيتمە

كۆپەيتمەك

كۆپەيتىشمەك

كۆپەيتىلمەك

كۆپەيگۈچى

كۆپەيمەك

كۆپتۈرمە

كۆپتۈرمەك

كۆپتۈرمىچى

كۆپتۈرۈشمەك

كۆپتۈرۈلمەك

كۆپتىن-كۆپ

كۆپجۈمەك

كۆپچىلىك

كۆپسىمەك

كۆپلەپ

كۆپلۈك

كۆپمە

كۆپمەك

كۆپۈشمەك

كۆپۈك

كۆپۈككە ئايلانماق

كۆپۈكچە

كۆپۈكلەشمەك

كۆپۈكلەندۈرگۈچ

كۆپۈكلەندۈرمەك

كۆپۈكلەنمەك

كۆپۈكلۈك

كۆپۈنگۈ

كۆپىنچە

كۆت

كۆتى بىلەن ئاغزىنىڭ پەرقى يوق

كۆتى پوق

كۆتىگە پوق كەپلەشمەك

كۆتىگە سۆيگۈدەك بولماق

كۆتىگە سېرىق تۈك ئۈنمىگەن

كۆتىنى قىسماق

كۆتىنى كولىماق

كۆتىنىڭ پىرى تۇتماق

كۆتىنى ئېلىپ يۈزىگە چاپلىماق

كۆتىنى يۈزىگە چاپلىماق

كۆتى ئوچۇق

كۆتى ئېغىر

كۆتەك

كۆتەكلىك

كۆتەڭگەي

كۆتەل

كۆتەن

كۆتەنباش

كۆتلەش

كۆتلۈك

كۆتمەك

كۆتمەكلەشتۈرمەك

كۆتمەكلەشتۈرۈلمەك

كۆتمەكلەشمەك

كۆتۈر

كۆتۈر قاسقىنىڭنى

كۆتۈر قولۇڭنى

كۆتۈر كەشىڭنى

كۆتۈر كۈدە-كۆرپەڭنى

كۆتۈر لاقا-لۇقاڭنى

كۆتۈرە

كۆتۈرەڭگۈ

كۆتۈرەڭگۈلەشمەك

كۆتۈرەڭگۈلۈك

كۆتۈرەلىگۈسىز

كۆتۈرەم

كۆتۈرتمەك

كۆتۈرمە

كۆتۈرمەك

كۆتۈرۈپ چىقماق

كۆتۈرمىچى

كۆتۈرمىچىلىك

كۆتۈرمىكەش

كۆتۈرمىكەشلىك

كۆتۈرمىلىك

كۆتۈرۈشچان

كۆتۈرۈشچانلىق

كۆتۈرۈشلۈك

كۆتۈرۈشمەك

كۆتۈرۈلمەك

كۆتۈرۈم

كۆتۈك

كۆتۋەللىك

كۆتىچە

كۆتىچەك

كۆتىيوغان

كۆجە

كۆجۈم

كۆجۈملەشتۈرمەك

كۆجۈملەشتۈرۈلمەك

كۆجۈملەشمەك

كۆجۈملۈك

كۆچ

كۆچە

كۆچەت

كۆچەتچىلىك

كۆچەتخانا

كۆچەتزار

كۆچەتزارلىق

كۆچەتلىك

كۆچكۆچ

كۆچكۈن

كۆچمە

كۆچمەك

كۆچمەن

كۆچمەنلىك

كۆچۈرتمەك

كۆچۈرگۈچى

كۆچۈرگۈچىلىك

كۆچۈرمە

كۆچۈرمەك

كۆچۈرمىچى

كۆچۈرمىچىلىك

كۆچۈرمىكەش

كۆچۈرمىكەشلىك

كۆچۈرۈشمەك

كۆچۈرۈلمە

كۆچۈرۈلمەك

كۆچۈشمەك

كۆرە

كۆرەك

كۆرەڭ

كۆرەڭلەتمەك

كۆرەڭلەشمەك

كۆرەڭلىك

كۆرەڭلىمەك

كۆرەلمەس

كۆرەلمەسلىك

كۆرپەⅠ

كۆرپەⅡ

كۆرپەز

كۆرپە-ياستۇق

كۆرپىچەك

كۆرپىلىك

كۆرتە

كۆرسەتكۈچ

كۆرسەتكۈچلۈك

كۆرسەتمە

كۆرسەتمەك

كۆرسەتمىلىك

كۆرسىتىشچانلىق

كۆرسىتىشمەك

كۆرسىتىلمەك

كۆرك

كۆركەم

كۆركەمسىز

كۆركەمسىزلىك

كۆركەملەشتۈرمەك

كۆركەملەشتۈرۈلمەك

كۆركەملەشمەك

كۆركەملىك

كۆركۈتمە

كۆرگە

كۆرگەزمە

كۆرگەزمىخانا

كۆرگەن-بىلگەن

كۆرگۈلۈك

كۆرگۈلۈكى بار

كۆرگۈلۈكىنى كۆرسەتمەك

كۆرگۈلۈكىنى كۆرمەك

كۆرمەس

كۆرمەسكە سالماق

كۆرمەك

كۆرەر كۆزى يوق

كۆرمىگەننى كۆرمەك

كۆرۈپ قويماق

كۆرىدىغىنىنى كۆرمەك

كۆرۈشتۈرمەك

كۆرۈشتۈرۈلمەك

كۆرۈشمەكⅠ

كۆرۈشمەكⅡ

كۆرۈكⅠ

كۆرۈكⅡ

كۆرۈلمەك

كۆرۈم

كۆرۈمسىز

كۆرۈمسىزلەشمەك

كۆرۈمسىزلىك

كۆرۈملۈك

كۆرۈنەرلىك

كۆرۈنمەك

كۆرۈنۈش

كۆرۈنۈشلۈك

كۆز

كۆز ئاچماق

كۆز ئالايتماق

كۆز باغلانماق

كۆز باغلىغۇچى

كۆز باغلىماق

كۆز بويامچى

كۆز بويىماق

كۆز تاشلىماق

كۆز تەگمەك

كۆز خۇمارىنى چىقارماق

كۆزدىن قاچۇرماسلىق

كۆزدىن قان-يىرىڭ ئاقماق

كۆزدىن كەچۈرمەك

كۆزدىن نېرى قىلماق

كۆزدىن ئوت چىقىپ كەتمەك

كۆزدىن ئۇچماق

كۆزدىن يوقاتماق

كۆزدىن يىراق تۇتماق

كۆز سالماق

كۆزگە تاشلانماق

كۆزگە سۈرتكۈدەك بولماق

كۆزگە سىغماق

كۆزگە سىڭىپ قالماق

كۆزگە قادالغان تىكەن

كۆزگە قادالغان مىخ

كۆزگە كۆرۈنەرلىك

كۆزگە كۆرۈنگەن

كۆزگە كۆرۈنمەك

كۆزگە ئىلماسلىق

كۆزلىرى ئالاق-جالاق بولۇپ كەتمەك

كۆزلىرى چاقناپ كەتمەك

كۆزلىرىنى چەكچەيتمەك

كۆزلىرىنى ئويناتماق

كۆزلىرى ئولتۇرۇشماق

كۆزلىرى ئويناپ كەتمەك

كۆز نۇرى

كۆزنىڭ ئاچچىقىنى چىقارماق

كۆزنىڭ يېغىنى يېمەك

كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە

كۆزنى يۇمۇپلا

كۆزۈڭگە قارا

كۆزۈڭنى ئاچ

كۆزۈڭ يوقمۇ

كۆز ئېچىپ كۆرگەن

كۆزى ئارقىدا قالماق

كۆزى ئالاچەكمەن بولماق

كۆزى بار

كۆزى پىششىق

كۆزى پىشماق

كۆزى تالادا قالماق

كۆزى تورلاشماق

كۆزى تويماسلىق

كۆزى تۇتۇلماق

كۆزى تۆت

كۆزى تېشىلمەك

كۆزى چاچراپ چىقىپ كەتكۈدەك بولماق

كۆزى چاقنىماق

كۆزى چانىقىدىن چىقىپ كەتمەك

كۆزى چۈشمەك

كۆزى قىزارماق

كۆزى كىچىك

كۆزىگە قارىماق

كۆزىگە كىرىۋالماق

كۆزىگە ياغ تولماق

كۆزىنى ئاچماق

كۆزىنى ئالالماسلىق

كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرماق

كۆزىنى چاپاق باسماق

كۆزىنىڭ ئوچۇقىدا

كۆزى ئوچۇق قارىغۇ

كۆزى ئېچىلماق

كۆزى يامان

كۆز يەتكۈسىز

كۆزى يورۇماق

كۆز يۇمماق

كۆزەت

كۆزەتچى

كۆزەتچىلىك

كۆزەتكۈچى

كۆزەتكۈزمەك

كۆزەتمەك

كۆزىتىشمەك

كۆزىتىلمەك

كۆزەل

كۆزەينەك

كۆزەينەكلىك

كۆزسىمان

كۆزقاراش

كۆز-قارىن

كۆز-قارنى توق

كۆز-قۇلاق

كۆزگۈ

كۆزگۈنەك

كۆزلەشمەك

كۆزلەنمەك

كۆزلۈك

كۆزلىمەك

كۆزمونچاق

كۆزنەك

كۆسەك

كۆسەي

كۆشەتمەك

كۆشەشمەك

كۆشەك

كۆشۈك

كۆشۈكى بىر تىيىن

كۆشۈكلۈك

كۆشۈگە

كۆشىگۈچىلەر

كۆشىمەك

كۆك Ⅰ

كۆككە سورۇماق

كۆككە كۆتۈرمەك

كۆك نامرات

كۆكⅡ

كۆكⅢ

كۆكⅣ

كۆكەر

كۆكەرتمەك

كۆكەرتىشمەك

كۆكەرتىلمەك

كۆكەرمە

كۆكەرمەك

كۆكەرمىلىك

كۆكبوغۇم

كۆكپىت

كۆكتات

كۆكتاتچى

كۆكتاتچىلىق

كۆكتاتلىق

كۆكتارغاق

كۆكتاش

كۆكتالغۇ

كۆكتولغاق

كۆكتۈرك

كۆكتۈرك خانلىقى

كۆكتۈركچە

كۆكتىكەن

كۆكچە

كۆكچېچەك

كۆكچى

كۆكچىچقاق

كۆكرەك

كۆكرەكلىك

كۆكس

كۆكس-قارىن

كۆكسۇ

كۆكسۇلتان

كۆكسېغىز

كۆكسىمەك

كۆكلەتمەكⅠ

كۆكلەتمەكⅡ

كۆكلەتمەكⅢ

كۆكلەشمەكⅡ

كۆكلەشمەكⅢ

كۆكلەنمەكⅠ

كۆكلەنمەكⅡ

كۆكلەم

كۆكلىمەكⅠ

كۆكلىمەكⅡ

كۆكلىمەكⅢ

كۆكمارال

كۆكمەت

كۆكمۇچ

كۆكنار

كۆكنارچى

كۆكنارخانا

كۆكۈر

كۆكۈشكەن

كۆكۈلمەيدان

كۆكۈمتۇل

كۆكۈيۈن

كۆكۋاش

كۆكۋېشى

كۆكۋېشىلىق

كۆكىرىشچان

كۆكىرىشچانلىق

كۆكىرىك

كۆكىمەك

كۆكىنەك

كۆكيار

كۆكيامان

كۆكيۆتەل

كۆگەⅠ

كۆگەⅡ

كۆگەشمەك

كۆگەل

كۆگەن

كۆگەنلىمەك

كۆڭتەي

كۆڭلەك

كۆڭلەكچان

كۆڭلەكلىك

كۆڭلەن

كۆڭلى-كۆكسى

كۆڭلى-كۆكسى كەڭ

كۆڭۈل (كۆڭلى)

كۆڭلى بار

كۆڭلى بوشىماق

كۆڭلى پۈتۈن

كۆڭلى توڭلىماق

كۆڭلى چۈشمەك

كۆڭلى سۇس

كۆڭلى سۇ ئىچمەك

كۆڭلى سۇيۇق

كۆڭلى سۆيۈنمەك

كۆڭلى قالماق

كۆڭلى كۆتۈرمەك

كۆڭلى كۆتۈرۈلمەك

كۆڭلى نازۇك

كۆڭۈل ئاچماق

كۆڭۈل ئاغرىماق

كۆڭۈل ئاۋۇتماق

كۆڭۈل ئايىماق

كۆڭۈل باغلىماق

كۆڭۈل بەرمەك

كۆڭۈل بۆلمەك

كۆڭۈل سانىماق

كۆڭۈل قويماق

كۆڭۈلنى ئالماق

كۆڭۈلنى ئۇتماق

كۆڭۈل ئېيتماق

كۆڭۈل ياسىماق

كۆڭۈل يايرىماق

كۆڭۈل يېرىم

كۆڭۈلچەك

كۆڭۈلچەكلىك

كۆڭۈلسىز

كۆڭۈلسىزلەنمەك

كۆڭۈلسىزلەندۈرمەك

كۆڭۈلسىزلىك

كۆڭۈلشىمەك

كۆڭۈللۈك

كۆلⅠ

كۆلبېگى

كۆلⅡ

كۆلەڭگە

كۆلەڭگىسىز

كۆلەڭگىلىك

كۆلەم

كۆلەملىك

كۆلبە

كۆلچەك

كۆلۈ

كۆلۈك

كۆلۈگەچ

كۆمەچ

كۆمەچدان

كۆمەكⅠ

كۆمەكⅡ

كۆمەل

كۆمتۈرتمەك

كۆمتۈرمەك

كۆمتۈرۈشمەك

كۆمتۈرۈلمەك

كۆمدۈرمەك

كۆممە

كۆممەك

كۆممىقوناق

كۆممىقوناقلىق

كۆمۈر

كۆمۈرەڭگۈ

كۆمۈرچەك

كۆمۈرچەكلىك

كۆمۈرچى

كۆمۈرچىلىك

كۆمۈرخانا

كۆمۈرلەشمەك

كۆمۈرلۈك

كۆمۈرمەك

كۆمۈرۈشمەك

كۆمۈرۈلمەك

كۆمۈك

كۆمۈكلۈك

كۆمۈلمەك

كۆن

كۆنەك

كۆنەلگۈ

كۆنەلگۈلۈك

كۆنجەك

كۆنچى

كۆنچىلىك

كۆندۈ

كۆندۈرمەك

كۆندۈرۈشمەك

كۆندۈرۈلمەك

كۆندۈك

كۆندىلەڭ

كۆنمەك

كۆنۈشمەك

كۆنۈك

كۆنۈكتۈرمەك

كۆنۈكمە

كۆنۈكمەك

كۆنۈكۈشمەك

كۆۋە

كۆۋەجىمەك

كۆۋرۈك

كۆۋرۈكچە

كۆۋرۈكلۈك

كۆۋرىمەك

كۆۋىلىگۈچ

كۆيە

كۆيدۈرگە

كۆيدۈرگۈچى

كۆيدۈرگۈلۈك

كۆيدۈرمەك

كۆيدۈرۈلمەك

كۆيۈپ-پىشىپ

كۆيمەك

كۆيۈش

كۆيۈشچان

كۆيۈشچانلىق

كۆيۈشمەك

كۆيۈك

كۆيۈكلۈك

كۆيۈكۈش

كۆيۈم

كۆيۈمچان

كۆيۈمچانلىق

كۆيۈمسىز

كۆيۈمسىزلىك

كۆيۈملۈك

كۆيۈندى

كۆيۈنمەك

كۆيۈنۈشمەك

كۈپ

كۈپسەن

كۈتكۈچى

كۈتكۈچىلىك

كۈتكۈزمەك

كۈتمەك

كۈتۈشمەك

كۈتۈك

كۈتۈلمەك

كۈتۈلمىگەن

كۈتۈلمىگەندە

كۈتۈم

كۈتۈمسىز

كۈتۈنمەك

كۈجە

كۈجىدان

كۈچ

كۈچەشمەك

كۈچەنمەك

كۈچەيتمەك

كۈچەيتكۈچ

كۈچەيتىلمەك

كۈچەيمەك

كۈچتۈڭگۈر

كۈچتۈڭگۈرلۈك

كۈچسىز

كۈچسىزلەندۈرمەك

كۈچسىزلەندۈرۈلمەك

كۈچسىزلەنمەك

كۈچسىزلىك

كۈچ-غەيرەت

كۈچ-قۇدرەت

كۈچ-قۇۋۋەت

كۈچلەندۈرمەك

كۈچلەندۈرۈلمەك

كۈچلەنمەك

كۈچلۈك

كۈچلۈكلۈك

كۈچلىنىشمەك

كۈچ-مادار

كۈچۈك

كۈچۈكلەنمەك

كۈچۈكلىمەك

كۈچىمەك

كۈچىنىشلىك

كۈدە

كۈدە-كۆرپە

كۈدىلىك

كۈرەⅠ

كۈرەⅡ

كۈرەش

كۈرەشچان

كۈرەشچانلىق

كۈرەشچى

كۈرەشسىز

كۈرەشمەك

كۈرەكⅠ

كۈرەكⅡ

كۈرەڭ

كۈرەلمەك

كۈرپە

كۈرسۈك

كۈرسۈمەك

كۈركە

كۈركۈم

كۈرمەك

كۈرمىڭ

كۈرۈكⅠ

كۈرۈكⅡ

كۈرۈكى تۇتماق

كۈرۈكى يېشىلمەك

كۈرىلەتمەك

كۈرىلەشمەك

كۈرىلەنمەك

كۈرىلىمەك

كۈرىمەك

كۈز

كۈرەك

كۈزەم

كۈزەيمەك

كۈزگى

كۈزلەك

كۈزلۈك

كۈسۈتكە

كۈش

كۈشەندە

كۈشەندىلىك

كۈشكۈرتكۈچى

كۈشكۈرتمەك

كۈشكۈرتۈشمەك

كۈش-كۈشⅠ

كۈش-كۈشⅡ

كۈشكۈشلەشمەك

كۈشكۈشلىمەك

كۈشۈك

كۈكۈنەۋرە

كۈل

كۈلىنى كۆككە سورۇماق

كۈلپەت

كۈلپەتلىك

كۈلتۈكⅠ

كۈلتۈكⅡ

كۈلخانا

كۈلدان

كۈلدۈرگە

كۈلدۈرگۈچى

كۈلدۈرمەك

كۈلدۈرۈلمەك

كۈل-قوقاس

كۈلكە

كۈلكە-چاقچاق

كۈلكىسىز

كۈلكىلىك

كۈلگەك

كۈلگەكلىك

كۈلگۈنچەك

كۈلگۈنچەكلىك

كۈللۈك

كۈللى

كۈلمەك

كۈلۈشمەك

كۈلۈمسىرەتمەك

كۈلۈمسىرەشمەك

كۈلۈمسىرىمەك

كۈمۈش

كۈمۈشئوت

كۈمۈشئۆرۈك

كۈن

كۈنى تەس

كۈنى توشماق

كۈنى تۇغۇلماق

كۈن يانماق

كۈنەكىمەك

كۈنپېتىش

كۈنتەرتىپ

كۈن-تۈن

كۈنجۈت

كۈنجۈتلۈك

كۈنجۈرە

كۈنچەك

كۈنچېچەك

كۈنچى

كۈنچىقىش

كۈنچىلىك

كۈنداش

كۈنداشلىق

كۈندە

كۈندە-كۈندە

كۈندۈز

كۈندۈزكى

كۈندۈزلۈك

كۈندىباھار

كۈندىلىك

كۈندىن-كۈنگە

كۈنساناپ

كۈنسايىن

كۈنسېرى

كۈنسىز

كۈنگەي

كۈنگۈرە

كۈنگۈرىلىك

كۈنلەپ

كۈنلەپ-كۈنلەپ

كۈنلەپ-ھەپتىلەپ

كۈنلەشمەك

كۈنلۈكⅠ

كۈنلۈكⅡ

كۈنلۈكچى

كۈنلۈكچىلىك

كۈنلۈكسىز

كۈنلۈكسىمان

كۈنلىمەك

كۈنۈشلىمەك

كۈنۈن

كۈنىگە

كۈنيۈرۈش

كۈۋەيت

كۈي

كۈيەⅠ

كۈيەⅡ

كۈيەك

كۈيچى

كۈيچىلىك

كۈيرەك

كۈيشۇناس

كۈيشۇناسلىق

كۈيلەتمەكⅡ

كۈيلەشمەكⅠ

كۈيلەشمەكⅡ

كۈيلەنمەك

كۈيلىمەكⅠ

كۈيلىمەكⅡ

كۈيمەسلىك

كۈيمۈنۈش

كۈيئوغۇل

كۈيئوغۇللۇق

كۈيۆ

كۈيۆلۈك

كۈيۈشتۈرمەك

كۈيۈشمەك

كۈيۈندە

كۈيىۋاش

كۋاچا

كۋادرات

كۋادراتلىق

كۋارتس

كۋارتسلىق

كۋارك

كۋانت

كۋانزا

كيات

كې

كېپەك

كېپەكخانا

كېپەكسىمان

كېپەكلەشتۈرمەك

كېپەكلەشمەك

كېپەكلىك

كېپەن

كېپەنسىز

كېپەنسىزلىك

كېپەنلەتمەك

كېپەنلەشمەك

كېپەنلەنمەك

كېپەنلىك

كېپەنلىمەك

كېپىل

كېپىللىك

كېپىلىماق

كېپىنەك

كېپىنەكچىلەپ

كېپىنەكسىمان

كېپىنەكگۈل

كېتەرلىك

كېتسال

كېتىشمەك

كېتىلمەك

كېچە

كېچە-كۈندۈز

كېچە-كۈندۈزلەپ

كېچە-كېچىلەپ

كېچەيۇكۈندۈز

كېچىچە

كېچىسىز

كېچىشمەك

كېچىك

كېچىكتۈرمەك

كېچىكتۈرۈلمەك

كېچىكمەك

كېچىكىشمەك

كېچىلەپ

كېچىلىك

كېچىلىمەك

كېدىر

كېر

كېرەجىمەك

كېرەك

كېرەكسىز

كېرەكلىك

كېرەك-ياراغ

كېرىشمەك

كېرىك

كېرىگە

كېرىگەت

كېرىلدۈرمەك

كېرىلمەك

كېرىلىشمەك

كېرىمدانە

كېزەكⅠ

كېزەكⅡ

كېزەكلەتمەك

كېزەكلەشمەك

كېزەكلەنمەك

كېزەكلىمەك

كېزەكلىك

كېزو

كېزىشمەك

كېزىك

كېزىكلىمەك

كېزىكمەك

كېزىلمەك

كېسەك

كېسەكچى

كېسەكچىلىك

كېسەل

كېسەلچان

كېسەلچانلىق

كېسەلخانا

كېسەلسىز

كېسەللەنمەك

كېسەللىك

كېسەلمەن

كېسەلمەنلىك

كېسىشمەك

كېسىك

كېسىكلىك

كېسىلمەك

كېسىم

كېسىم قىلماق

كېسىمچىلىك

كېسىندى

كېشەك

كېشەكسىمان

كېكەچ

كېكەچلىك

كېكەچلەتمەك

كېكەچلەشمەك

كېكەچلەنمەك

كېكەچلىمەك

كېككەيمەك

كېكىتمە

كېكىردەك

كېكىردىكى يىرتىلغۇچە

كېكىرتمەك

كېكىرمەك

كېكىرىشمەك

كېكىرىك

كېڭەش

كېڭەشچى

كېڭەشسىز

كېڭەشلىك

كېڭەشمە

كېڭەشمەك

كېڭەيتمەك

كېڭەيتىشمەك

كېڭەيتىلمەك

كېڭەيمەك

كېڭەيمىچى

كېڭەيمىچىلىك

كېڭىيىش

كېلەپ

كېلەچەك

كېلەچەكشۇناس

كېلەچەكشۇناسلىق

كېلەرⅠ

كېلەرⅡ

كېلەركى

كېلەڭسىز

كېلەڭسىزلەشمەك

كېلەڭسىزلىك

كېلۋىن

كېلىش

كېلىشەڭگۈ

كېلىشەلمەسلىك

كېلىش-بېرىش

كېلىشتۈرگۈچى

كېلىشتۈرمەك

كېلىشتۈرمىچىلىك

كېلىشتۈرۈشمەك

كېلىشتۈرۈلمەك

كېلىشكەن

كېلىشمەسلىك

كېلىشمەك

كېلىشىم

كېلىشىملىك

كېلىشىمنامە

كېلىم-كېتىم

كېلىن

كېلىنلىك

كېلىنمەك

كېمە

كېمەيتكۈچى

كېمەيتىشمەك

كېمەيتىلمەك

كېمەيتمەك

كېمەيگۈچى

كېمەيمەك

كېمىچى

كېمىچىلىك

كېمىر

كېمىرلەنمەك

كېمىرمەك

كېمىساز

كېمىسازلىق

كېمىيىشچان

كېنگۇرۇ

كېنىزەك

كېۋەز

كېۋەزلىك

كېيىك

كېيىكئوت

كېيىن (كەينى)

كېينچە

كېيىنكى

كېيىنلىك

كى

كىئانىت

كىبېرنېتىكا

كىبىرⅠ

كىبىرⅡ

كىبىرسىز

كىبىرلەنمەك

كىبىرلىك

كىپ

كىپارىس

كىپت

كىت

كىتا

كىتاب

كىتابباز

كىتاببازلىق

كىتابپەرەس

كىتابپەرەسلىك

كىتابپۇرۇش

كىتابپۇرۇشلۇق

كىتابچە

كىتابخان

كىتابخانا

كىتابخانلىق

كىتابخۇمار

كىتابخۇمارلىق

كىتابۇللا

كىتابىي

كىتە

كىتە-مىتە

كىتسىمان

كىت-كىت

كىتىر

كىتىر-كىتىر

كىتىرلاتماق

كىتىرلاشماق

كىتىرلىتىشماق

كىتىرلىماق

كىچىك

كىچىك پېئىل

كىچىك تەرەت

كىچىك تىلى چىقماق

كىچىك تىلى ئۇزارماق

كىچىككىنە

كىچىكلىمەك

كىدان

كىر

كىچىكلەتمەك

كىچىكلەشمەك

كىچىكلىتىلمەك

كىچىكلىك

كىچىكلىك بەلگىسى

كىرا

كىراكەش

كىراكەشلىك

كىرام

كىراي

كىرئالغۇ

كىرەش

كىرپە

كىرپىك

كىرپىك يۇمماق

كىرپىكچە

كىرپىكسىز

كىرپىكلىك

كىرپىۋاش

كىرت

كىرتەيمەك

كىرتتىدە

كىرت-كىرت

كىرتمەك

كىرتىك

كىرتىلداتماق

كىرتىلدىماق

كىرچى

كىرچىلىك

كىرخانا

كىردى-چىقتى

كىرسىز

كىرسىن

كىر-قات

كىرگۈل

كىرگۈزمەك

كىرلەشتۈرمەك

كىرلەشمەك

كىرلىشەڭگۈ

كىرلىك

كىرلىكلىك

كىرمەكⅠ

كىرمەكⅡ

كىرمىگەن تۆشۈكى قالماسلىق

كىرىدىغان تۆشۈك تاپالماسلىق

كىرىچ

كىرىس

كىرىس-كىرىس

كىرىشⅠ

كىرىشتۈرمە

كىرىشتۈرمەك

كىرىشتۈرۈشمەك

كىرىشتۈرۈلمەك

كىرىش-چىقىش

كىرىشمە

كىرىشمەك

كىرىلمەك

كىرىم

كىرىم-چىقىم

كىژ

كىژژىدە

كىژ-كىژ

كىژىلداتماق

كىژىلداشماق

كىژىلدىماق

كىستافىل

كىسپۇرۇش

كىسسە

كىسلاتا

كىسلاتالاشماق

كىسلاتالاشتۇرماق

كىسلاتالىق

كىسىلدەك

كىسلورود

كىشەن

كىشەنلەتمەك

كىشەنلەنمەك

كىشەنلىك

كىشەنلىمەك

كىشمىش

كىشمىشلىك

كىشنەتمەك

كىشنەشمەك

كىشنىمەك

كىشى

كىشى-قارا

كىشىگە

كىشىلىك

كىك

كىكەتكە

كىگىز

كىگىز تاتىلىماق

كىگىز-پالاس

كىگىزچى

كىگىزچىلىك

كىگىز-كېچەك

كىلتاڭ

كىلمەك

كىلو

كىلوكالورىيە

كىلوگېرتس

كىلوگرام

كىلوگراملىق

كىلولاتماق

كىلولاشماق

كىلولانماق

كىلولۇق

كىلولىتىر

كىلولىماق

كىلومېتىر

كىلومېتىرلىق

كىلومېتىرلىماق

كىلوۋات

كىلوۋات سائەت

كىلېتكا

كىلېتكىشۇناس

كىلىتكىشۇناسلىق

كىلىت

كىلىزما

كىلىمات

كىلىماتولوگىيە

كىليونكا

كىم

كىمىئارتۇق

كىمەرسە

كىمەرسىكى

كىمبېرلىت

كىمخاپ

كىمدۇر

كىمدەكىم

كىمىرلەنمەك

كىمىيا

كىمىياگەر

كىمىياگەرلىك

كىن

كىنا

كىنايە

كىنايىلىك

كىنايىچى

كىنەز

كىنەزلىك

كىندىك

كىندىك قېنى تۆكۈلگەن جاي

كىندىكئانا

كىنو

كىنوچى

كىنوچىلىق

كىنوخانا

كىنولاشتۇرماق

كىنولاشتۇرۇلماق

كىنولاشماق

كىنوۋار

كىنېماتىكا

كىنىشكا

كىنىشكىسىز

كىنىشكىلىق

كىنىمەك

كىۋە

كىيات

كىيدۈرمەك

كيۇرىي

كىيىت

كىيىتلىك

كىيىشمەك

كىيىلمەك

كىيىم

كىيىمسىز

كىيىم-كېچەك

كىيىملىك

كىيىندۈرمەك

كىيىندۈرۈشمەك

كىيىندۈرۈلمەك

كىيىنمەك

كىيىنىشمەك

ئىزاھى

ك

  • ك[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ ئون سەككىزىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن ئون سەككىزىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.

  • «ك» ھەرىپنىڭ ئايرىم شەكلى «ك»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ك»، باش ۋە ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ك»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ىك»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «كې».

  • «ك» تاۋۇشى ئۈزۈك تاۋۇشى بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن تىل ئۈستى ئوتتۇرا تاڭلاي تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرش ئۇسۇلى جەھەتتىن پارتىلىغۇچى تاۋۇش، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشتۇر.

  • «ك» تاۋۇشىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى

  • «گ» تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە تەلەپپۇزدىكى ئاسانلىقنى كۆزدە تۇتۇپ «ك» تاۋۇشى بىلەن باشلىنىدىغان قوشۇمچە قوشۇلىدۇ، قوشۇمچىنىڭ بېشىدىكى «ك» تاۋۇشى سۆز ئاخىرىدا كەلگەن «گ» تاۋۇشنى تەتۈر ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ئۆزىگە ئوخشىتىۋالىدۇ. نەتىجىدە، تەلەپپۇزدا «گ» تاۋۇشى «ك» گە نۆۋەتلىشىدۇ، ئەمما ئىملادا ئەكس ئەتتۈرۈلمەيدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • تەگ-تەگكەن تەگ-تەككەن

  • چىگ-چىگكىدەك چىگ-چىككىدەك

كابېل

  • كابېل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گوللاندچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئىزولياتسىيە قەۋىتى ۋە قوغدىغۇچى پوستى بولغان ئۆتكۈزگۈچ سىم. تومراق بولىدۇ. كۆپىنچە بىر-بىرىگە توك ئۆتكۈزمەيدىغان بىرنەچچە سىمدىن تەشكىل تېپىپ، يەر ئاستى ۋە سۇ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئادەتتە ئېلېكتر خەۋەرلىشىشى ياكى توك يەتكۈزۈش ئىشلىرىدا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.

كابىنكا

  • كابىنكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئاپتوموبىل، تراكتور قاتارلىقلارنىڭ شوپۇر ئولتۇرۇپ رول باشقۇرىدىغان، كونترول قىلىدىغان قىسمى:[مىسال:] كابىنكىغا چۈشمەك.

كاپⅠ

  • كاپⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئۇستىرىنى كاپلىغۇچقا سۈركەش ھالىتى:[مىسال:] كاپقا تارتماق.

كاپقا كەلمەك

  • كاپقا كەلمەك[يەشمىسى:] ماختىسا ئۇچماق، ئۆزىنى ماختىغان ئادەمنىڭ دېگىنىگە كۆنمەك:[مىسال:] ئاسىم دېگەن تازا كاپقا كېلىدىغان ئادەم-دە، دېدى خەيرۇل مىيىقىدا كۈلۈپ.

كاپⅡ

  • كاپⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئات-ئۇلاغلارنىڭ بىرنەرسىلەرنى يەپ قويماسلىقى ئۈچۈن ئېغىزىغا سېلىپ قويىدىغان تور:[مىسال:] ئاغزىدىكى كاپ ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ قالغاچقا بۇغداي يېگەن گەپ، دېدى بىر دېھقان تورپاقنىڭ بىقىنىنى مۇجۇپ.

كاپⅢ

  • كاپⅢ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① ئۇششاق، ئۇۋاق نەرسىلەرنى بىراقلا ئېغىزىغا سالغان ۋاقىتتىكى ئېغىزنىڭ ئېچىلىپ-يېپىلىشىغا تەقلىد قىلىنىدۇ:[مىسال:] كاپ ئەتمەك.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنى بىردىنلا تۇتقان ۋاقىتتىكى ھەرىكەتنىڭ تېزلىكىگە تەقلىد قىلىنىدۇ:[مىسال:] ئانا كاپ قىلىپ قىزىنىڭ ئوڭ قولىنى تۇتۇۋالدى.

كاپالەت

  • كاپالەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] جاۋابكارلىقنى، مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىغا باشقىلارنى ئىشەندۈرۈش، كېپىللىك:[مىسال:] مۇكەممەل بىر ئىلمىي پىلان — كۆزلىگەن نىشانغا يېتىپ بېرىشنىڭ ئوبدان كاپالەتلىرىدىن بىرى.

كاپالەتسىز

  • كاپالەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كاپالىتى يوق، كاپالەتكە ئىگە بولمىغان، ئىشەنچسىز:[مىسال:] ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتسىز قالدۇرۇشقا بولمايدۇ.

كاپالەتسىزلىك

  • كاپالەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كاپالىتى يوقلۇق، ئىشەنچسىزلىك.

كاپالەتلەندۈرمەك

  • كاپالەتلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «كاپالەتلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ پاكىز سۇ ئىچىپ ساغلام بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش زۆرۈر.

كاپالەتلەندۈرۈشمەك

  • كاپالەتلەندۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «كاپالەتلەندۈرمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كاپالەتلەندۈرۈلمەك

  • كاپالەتلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كاپالەتلەندۇرمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كاپالەتلەنمەك

  • كاپالەتلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كاپالەتكە ئىگە بولماق.

كاپالەتلىك

  • كاپالەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كاپالەت قىلىنىدىغان، كاپالەتكە ئىگە بولغان:[مىسال:] قانۇن خەلق ئاممىسىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

كاپالەتنامە

  • كاپالەتنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] كاپالەت بېرىش يۈزىسىدىن يېزىلغان ھۆججەت، كاپالەت خېتى:[مىسال:] سىزگە كاپالەتنامە يېزىپ بېرىشىمىز مۇمكىن.

كاپام

  • كاپام[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ ئۆزى ئېنىقلىغان نەرسىنىڭ مىقدارىنى يەنى مەلۇم قېتىم «كاپ» قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر كاپام ئاش. بىر كاپام پولۇ.

كاپاملاتماق

  • كاپاملاتماق[يەشمىسى:] «كاپاملىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كاپاملاشماق

  • كاپاملاشماق[يەشمىسى:] «كاپاملىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كاپاملىماق

  • كاپاملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كاپام ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] ئاسىم ئىشتىھا بىلەن كاپاملاپ پولۇ يېيىشكە باشلىدى.

كاپپىدە

  • كاپپىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «كاپ» قىلغان ھالدا، «كاپ» قىلىپ:[مىسال:] پاتەمخان ئۇنى كاپپىدە بىلىكىدىن تۇتۇپ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.

كاپراس

  • كاپراس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئامفىبولنىڭ بىر خىلى، يەنى تۈۋرۈك ياكى تالا ھالىتىدىكى كرىستال. يېشىل، كۈل رەڭ ياكى ئاق رەڭلەردە بولىدۇ، پارقىرايدۇ. جۇڭيىدا قۇۋۋەت دورىسى ۋە قورۇغۇچى دورا قىلىنىدۇ.

كاپرون

  • كاپرون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] سۈنئىي تالانىڭ بىر خىلى ۋە شۇ تالادىن توقۇلغان رەخت:[مىسال:] كاپرون ياغلىق. كاپرون پايپاق.

كاپرىس

  • كاپرىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] قۇرۇلما جەھەتتىن ئەركىن، خاراكتېر جەھەتتىن غەلىتە ئىشلەنگەن ئاھاڭ. ئادەتتە ماھارەتچانلىقى يۇقىرى بولىدۇ. كومپوزىتورلار ئۇنىڭغا كۆپىنچە خەلق ناخشىلىرى مېلودىيىسىنى ئاساس قىلىدۇ.

كاپسۇلⅠ

  • كاپسۇلⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] بەزى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تېشىدىن يۆگەپ تۇرىدىغان، پولپېپتىد ياكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىدىن تۈزۈلگەن يېپىشقاق تاشقى قېپى.

كاپسۇلⅡ

  • كاپسۇلⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە ئۇرۇلۇش بىلەن تېز ئوت ئېلىپ، پارتلاتقۇچ دورىنى پارتلىتىپ بېرىدىغان مەخسۇس نەيچە:[مىسال:] گرانات كاپسۇلى. مىنا كاپسۇلى.

كاپسۇللۇق

  • كاپسۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كاپسۇلى بار، كاپسۇل بىلەن ئورالغان، قاپلانغان:[مىسال:] كاپسۇللۇق دورا.

كاپشىتماق

  • كاپشىتماق[يەشمىسى:] «كاپشىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ۋۇي، بالىنى كاپشىتماي دېگىنىنى بەرسەڭ بولمامدۇ

كاپشىشماق

  • كاپشىشماق[يەشمىسى:] «كاپشىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تولا كاپشىشماي يولۇڭلارغا ماڭساڭلار بولارمىكىن.

كاپشىماق

  • كاپشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تولا سۆزلىمەك، تولا گەپ قىلماق:[مىسال:] سەن قېرى تولا كاپشىما، يوقال كۆزۈمدىن دەپ تىللاپتۇ ۋەزىر.

كاپ-كاپ

  • كاپ-كاپ[يەشمىسى:] «كاپⅢ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

كاپ-كۇپ

  • كاپ-كۇپ[يەشمىسى:] «كاپ» قىلغان ۋە شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

كاپلاتماق

  • كاپلاتماق[يەشمىسى:] «كاپلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئالىم ساتىراش شاگىرتىغا ئۇستىرىنى كاپلىتىپ ھېلىم ئاكىنىڭ ساقىلىنى قىرغاچ ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇردى.

كاپلاشماق

  • كاپلاشماق[يەشمىسى:] «كاپلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كاپلانماق

  • كاپلانماق[يەشمىسى:] «كاپلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇستىرا كاپلاندى.

كاپلىغۇچ

  • كاپلىغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇستىرىنى كاپلاش ئۈچۈن كۆن ياكى رەختتىن ئۇزۇنلۇقى 50 — 60 سانتىمېتىر، كەڭلىكى ئالتە-يەتتە سانتىمېتىر قىلىپ ياسالغان ساتىراشلىق سايمىنى.

كاپلىماق

  • كاپلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۇستىرىنى ئىتتىكلىتىش ئۈچۈن كاپلىغۇچقا سۈركىمەك:[مىسال:] ئۇستىرىنى كاپلىماق.

كاپوت

  • كاپوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] تۈرلۈك مېخانىزملارنىڭ مەلۇم قىسىملىرىنى چاڭ-توزان، نەملىك ۋە باشقا نەرسىلەردىن ساقلاش ئۈچۈن ئىشلەنگەن، ئېچىلىپ-يېپىلىدىغان تۆمۈر قاپقاق:[مىسال:] ھەقىقەتەنمۇ شوپۇر كاپوتنىڭ ئۈستىدە دۈم ياتاتتى.

كاپىتال

  • كاپىتال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] سودا-سانائەت تىجارىتىنىڭ دەسمايىسى؛ كاتتا مەبلەغ، كۆپ پۇل، بايلىق:[مىسال:] ياز كۈنلىرى قىلىپ سەيلى-ساياھەت، ئارام ئىزلەپ كېلەر ئەزىز مېھمانلار. كىرىم بولۇپ كاپىتالىم كۆپىيەر، ۋە سالىمەن يېڭى-يېڭى قورغانلار.

كاپىتاللىق

  • كاپىتاللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كاپىتالى بار، كاپىتالغا ئىگە.[يەشمىسى:] ② كاپىتالغا خاس:[مىسال:] ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىنىڭ ھېچقايسىسىدا ئىشلەپچىرىش كۈچلىرىنىڭ كاپىتاللىق خۇسۇسىيىتى تۈگىمىدى.

كاپىتالىزم

  • كاپىتالىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] كاپىتالىستلار ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىگىلەيدىغان ھەم شۇنىڭ بىلەن ياللانما ئەمگەكنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان، قوشۇمچە قىممەت شىلىۋالىدىغان ئىجتىمائىي تۈزۈم.

كاپىتالىزملىق

  • كاپىتالىزملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كاپىتالىزم تۈزۈمىدىكى؛ كاپىتالىزمغا خاس؛ كاپىتالىزم پرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغان.

كاپىتالىست

  • كاپىتالىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] كاپىتالنى ئىگىلىۋېلىپ، ئىشچىلارنىڭ قوشۇمچە ئەمگىكىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان كىشى.

كاپىتان

  • كاپىتان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي ئۇنۋان، يەنى بەزى دۆلەتلەردىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجە.[يەشمىسى:] ② پاراخوت ياكى كېمە باشلىقى، كوماندىرى.

كاپىر

  • كاپىر[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىغا ئىشەنمەيدىغان، دىندىن قايتقان، خۇداسىز، ئىمانسىز كىشى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] رەھىمسىز، ۋاپاسىز:[مىسال:] قەتلى ئەيلەرگە مېنى ھەركۈنى ئول كاپىر ئىشق، رەھمى قىلمايدۇر مىكرى كەيدى بېشىمغە لىق.

كاپىرلىق

  • كاپىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كاپىرلارغا خاس ئالامەت، قىلىق-ئادەت:[مىسال:] گەپنىڭ قىسقىسى، بۇ موغۇلىستان يۇرتىغا كاپىرلىقنىڭ قارا سىياھى تارقىلىپ، ھەممىنى قاراڭغۇ ۋە زۇلمەتتە تۇتقانىدى.

كاپىلداتماق

  • كاپىلداتماق[يەشمىسى:] «كاپىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھوي، ئۇنى تولا كاپىلداتقۇچە دېگەن نەرسىسىنى ئېلىپ بەرسەڭ بولمامدۇ.

كاپىلداشماق

  • كاپىلداشماق[يەشمىسى:] «كاپىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئەتىگەندىن كەچكىچە قۇرۇق كاپىلدىشىپ خەقنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان كاسكاسلار ئىدى.

كاپىلدىماق

  • كاپىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي تولا سۆزلىمەك، كاسىلدىماق:[مىسال:] سولان ئاغزى ئېچىلدى كاپىلداپ يەنە، باشقا كىيدى ھويلىنى، كاسىلداپ يەنە.

كاپىلليار

  • كاپىلليار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ناھايىتى كىچىك تۆشۈكچە ياكى شۇنداق تۆشۈكلۈك نەيچە:[مىسال:] كاپىلليار ھادىسىسى.

كاپىلليارلىق

  • كاپىلليارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇقنىڭ ئىنچىكە نەيچىلەر ياردىمىدە كۆتۈرۈلۈش خۇسۇسىيىتى بويىچە توپلىنىدىغان، بارلىققا كېلىدىغان:[مىسال:] كاپىلليارلىق سۇ. كاپىلليارلىق كۈچ.

كات

  • كات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] كارىۋات.

كاتاپ

  • كاتاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆننى بوياش ئۈچۈن مەنتاڭ بىلەن تۆمۈر دېتىدىن بىرىكتۈرۈپ تەييارلانغان سۇيۇقلۇق.

كاتاڭ

  • كاتاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يولدىكى چوڭقۇرلۇق:[مىسال:] ماشىنا كاتاڭلاردىن سىلكىنىپ ئۆتۈپ، بارغانسېرى ئىتتىكلەپ كېتىپ باراتتى.

كاتاڭلاشماق

  • كاتاڭلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كاتاڭ ھالەتكە كەلمەك، كاتاڭ بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] بۇ يوللار ھارۋا تولا مېڭىپ كاتاڭلىشىپ كەتتى.

كاتاڭلىق

  • كاتاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كاتىڭى بار، كاتاڭ بولۇپ كەتكەن:[مىسال:] ئېغىر يۈك بېسىلغان ماشىنا كاتاڭلىق يولدا ئاستا ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى.

كاتالپا

  • كاتالپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چوكا دەرىخى ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى سەل-پەل ئالىقانسىمان يېرىلغان بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈلى ئاق ھەم كونۇسسىمان گۈل رېتىدە كېلىدۇ. ياغىچىدىن ئەسۋاب، سايمانلارنى ياساشقا بولىدۇ.

كاتالوگ

  • كاتالوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] بىر تۈردىكى كىتاب، قوليازما قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە تۈزۈلگەن رويخېتى:[مىسال:] كلاسسىك ئەدەبىياتقا دائىر ئەسەرلەر كاتالوگى.

كاتالىزاتور

  • كاتالىزاتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] خىمىيىۋى رېئاكسىيە تېزلىكىنى ئارتتۇرىدىغان ياكى كېمەيتىدىغان، لېكىن ئۆزىنىڭ مىقدارى ۋە خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغان ماددىلار.

كاتالىزاتورلۇق

  • كاتالىزاتورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خىمىيىۋى رېئاكسىيە تېزلىكىنى ئارتتۇرىدىغان ياكى كېمەيتىدىغان:[مىسال:] كاتالىزاتورلۇق خۇسۇسىيەت. كاتالىزاتورلۇق رول.

كاتايا

  • كاتايا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قارىغاي ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. غولى تۈز، باراقسىنى مۇنار، يوپۇرمىقى لېنتا، شارچە مېۋىسى تۇخۇم شەكلىدە بولىدۇ. ئۇ مەملىكىتىمىزدە شالاڭ ئۆسىدىغان بىر خىل دەرەخ سورتىدۇر.

كاتەك

  • كاتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① توخۇ، توشقان، كەپتەر قاتارلىقلار سولىنىدىغان كىچىك ئۆي:[مىسال:] باقى توخۇلارغا كاتەك سالدى.[يەشمىسى:] ② نەرسىلەرنىڭ يۈزىگە چىقىرىلىدىغان تۆت بۇرجەك شەكىل.

كاتەكچەⅠ

  • كاتەكچەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىم تىكىش ماشىنىسىدىكى چويلىنى ماڭدۇرۇپ بېرىدىغان ئارا شەكىللىك سايمان.

كاتەكچەⅡ

  • كاتەكچەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆت چاسا، چاقماق:[مىسال:] كاتەكچە كۆڭلەك. كاتەكچە قىلىپ توقۇماق.

كاتەكلىك

  • كاتەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كاتىكى بار، كاتەكلەرگە بۆلۈنگەن:[مىسال:] ھارۋا ئۈستىگە كاتەكلىك جازا قويۇلغانىدى.

كاتتا

  • كاتتا[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چوڭ، ھەشەمەتلىك، ئېسىل:[مىسال:] كاتتا شەھەر. كاتتا بىنا. كاتتا يىغىن. كاتتا توي.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۈيۈك، داڭلىق:[مىسال:] كاتتا كىشى. كاتتا ئادەم. * ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كاتتا شائىرىدۇر.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياش جەھەتتە چوڭايغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى؛ باشلىق، ئەمەلدار:[مىسال:] سىز ئەڭ ياخشىسى باشقا كاتتىلار بىلەنمۇ ئەقىللىشىپ كۆرۈڭ، ئۇلار سىزگە قانداق ئەقىل كۆرسىتەركىن.

كاتتىلىق

  • كاتتىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چوڭلۇق، زورلۇق:[مىسال:] ئۇنىڭ خىزمىتىنىڭ كاتتىلىقىنى بىز بىلىمىز.

كاتتىۋاش

  • كاتتىۋاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كاتتا+باش[[يەشمىسى:] مەلۇم تەشكىل ياكى گۇرۇھنىڭ باشلىقى، رەھبىرى:[مىسال:] ئۇزۇن ئۆتمەي كاتتىۋاش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى چىقىپ، قورام تاش ئۈستىدە تۇرۇشتى.

كاتساندۇق

  • كاتساندۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كات+ساندۇق[[يەشمىسى:] ئۈستى كارىۋات ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان، ئىچىدە ئاشلىق قاتارلىق نەرسىلەرنى ساقلىغىلى بولىدىغان بىر خىل ئائىلە سايمىنى:[مىسال:] ئۇ گۇگۇم قاراڭغۇسىدا تەمتىرەپ يۈرۈپ ئىشىك تەرەپتىكى كاتساندۇقتىن نېمىنىدۇر ئېلىپ بېلىگە تۈگدى.

كاتلېت

  • كاتلېت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] خېمىرنىڭ ئىچىگە گۆشنى قىيما قىلىپ سېلىپ، كىچىك توقاچتەك ياپىلاقلاپ مايدا پىشۇرىدىغان تاماق:[مىسال:] مەن جاھىللىقىمغا ئېلىپ پىۋا بىلەن كاتلېت كەلتۈرۈشنى ئېيتتىم.

كاتھىندى

  • كاتھىندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① پۇرچاق ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. شاخلىرىدا تىكىنى بار، يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، گۈلى سېرىق، مېۋىسى چوكا مېۋە، ياغىچى قاتتىق، رەڭگى قارا قوڭۇر بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② مۇشۇ دەرەختىن ئاجرىتىپ ئېلىنىدىغان رەڭگى قارا قوڭۇر، قاتتىق جىسىم. دورا قىلىشقا بولىدۇ، قان توختىتىش رولىغا ئىگە.

كاتود

  • كاتود[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ① باتارىيە ياكى ئاككۇمۇلياتور قاتارلىق تۇراقلىق توك مەنبەلىرىنىڭ مەنپىي زەرەت قويۇپ بېرىدىغان ئېلېكتر قۇتۇپى. قۇرغاق باتارىيىنىڭ سىنك قېپى كاتود بولىدۇ. ئۇ يەنە «مەنپىي قۇتۇپ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلاردىكى ئېلېكترون قويۇپ بېرىدىغان قۇتۇپ. بۇ قۇتۇپ ئېلېكتر زەنجىرىدە چوقۇم ئېلېكتر مەنبەسىنىڭ مەنپىي قۇتۇپىغا ئۇلىنىدۇ. بەزى ئېلېكترون لامپىلاردىكى لامپۇچكا قىلى كاتود بولىدۇ.

كاتولىك

  • كاتولىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] خرىستىيان دىنىنىڭ رىم پاپاسى باشچىلىقىدىكى چوڭ مەزھىپى. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە دۆلىتىمىزگە كىرگەن.

كاتۇشكا

  • كاتۇشكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئىزولياتسىيىلىك قېپى بولغان ئۆتكۈزگۈچ سىمنى ئوراش ئارقىلىق ياسالغان غالتەك ياكى كاناي شەكىللىك دېتال. ئۇ ئېلېكتر ماشىنىلىرى، ترانسفورماتور، ئېلېكترلىك خەۋەرلىشىش ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلاردا كەڭ تۈردە ئىشلىتىلىدۇ.

كاتېت

  • كاتېت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭنىڭ تىك بۇلۇڭ ھاسىل قىلىدىغان تەرەپلىرىدىن بىرى.

كاتېتىر

  • كاتېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل نەيسىمان ئەسۋاب. ئادەتتە چىقمىغان سۈيدۈكنى چىقىرىش، سۈيدۈك يوللىرى ياللۇغلىنىشنى داۋالاش ۋە تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ. چوڭ-كىچىكلىكى ۋە قاتتىق-يۇمشاقلىقى ھەر خىل بولىدۇ.

كاتېر

  • كاتېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان كىچىك تىپتىكى كېمە، قېيىق. سۈرئىتى تېز، ھەرىكەتچانلىقى يۇقىرى، بەزىلىرى قاتناش قورالى قىلىنىدۇ، بەزىلىرى مۇسابىقە ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

كاتېگورىيە

  • كاتېگورىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئادەم تەپەككۇرىنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ ئومۇمىي ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈشى. ھەرقايسى پەندە شۇ پەنگە تەۋە بولغان ئاساسىي كاتېگورىيىلەر بولىدۇ. مەسىلەن، بىرىكمەك، بىرىكمە، پارچىلىنىش قاتارلىقلار خىمىيە ئىلمىنىڭ كاتېگورىيىلىرىدۇر؛ تاۋار قىممىتى، ئابستراكت ئەمگەك، كونكرېت ئەمگەك دېگەنلەر سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنىڭ كاتېگورىيىلىرىدۇر؛ ماھىيەت ۋە ھادىسە، شەكىل ۋە مەزمۇن، مۇقەررەرلىك ۋە تاسادىپىيلىق دېگەنلەر ماتېرىيالىزملىق دىئالېكتىكىنىڭ ئاساسىي كاتېگورىيىلىرىدۇر. [يەشمىسى:] ② بىر خىل نەرسىلەر، ھادىسىلەر تۈركۈمى، تۈرى.

كاتىبات

  • كاتىبات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يېزىقچىلىق ئىشلىرى:[مىسال:] كاتىبات ئىشخانىسى.

كاتىباتلىق

  • كاتىباتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كاتىپلار قىلىدىغان ياكى ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئىش، خىزمەت؛ كاتىپلىق:[مىسال:] بۇ يىل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كاتىباتلىق كەسپىگە 40 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ.

كاتىپ

  • كاتىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىدارە-ئورگانلارنىڭ خەت-ئالاقىلىرىنى، يىغىن خاتىرىلىرىنى يازىدىغان كىشى، خادىم:[مىسال:] كاتىپنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، خەتنى شۇ يېزىپ بەرسۇن، دەپ خەتنى يىگىتكە ئۇزاتتىم.[يەشمىسى:] ② بەزى كىشىلەرنىڭ سۆزىنى خاتىرىلەيدىغان ياكى قول يازمىلارنى كۆچۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى؛ مىرزا:[مىسال:] يازغۇچى تۇردى سامساق 1942-يىلى قەشقەردىن چىقىپ كېتىپ، ئىلى، ئالتايلارغا بېرىپ بايلارغا كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن.

كاتىپلىق

  • كاتىپلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كاتىپ قىلىدىغان ئىش، پائالىيەت:[مىسال:] 1976-يىلى نۇردۇن شۇ يېزىغا مەسئۇل بولۇپ چۈشكەندە مەخسۇت ئۇنىڭغا كاتىپلىق قىلغانىدى.

كاتىۋال

  • كاتىۋال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆز بېشىمچى، بىلەرمەن، باشباشتاق.

كاتىۋاللىق

  • كاتىۋاللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز بېشىمچىلىق، باشباشتاقلىق، بىلەرمەنلىك:[مىسال:] كاتىۋاللىق قىلما، ئۆزۈممۇ بىلىمەن، دېدى ئابدۇغېنى تاماكىسىنىڭ كۈلىنى قېقىپ.

كاتيۇشا

  • كاتيۇشا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] راكېتا توپنىڭ بىر خىلى. ئادەتتە ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدا ئوقنى قاتار ئاتقىلى بولىدۇ.

كاج

  • كاج[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① گەپكە كىرمەيدىغان، مەسلىھەت ئاڭلىمايدىغان، جاھىل، تەتۈر:[مىسال:] كاج ئادەم. كاج پەلەك. كاج پېشانە.[يەشمىسى:] ② قىيسىق، ئېچىلسا يېپىلمايدىغان، يېپىلسا ئېچىلمايدىغان، راۋان ئەمەس:[مىسال:] ئىشىكىڭ كاجمۇ نېمە، تولۇق يېپىلمايدىغۇ دېدى ئالىم ئىشىكنى بىر قولىدا تارتىپ.

كاجانىس

  • كاجانىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال. كىچىك يوپۇرمىقى ئۈچ تال بولۇپ، تۆمۈنە شەكلىدە، گۈلى سېرىق، چوكا مېۋە تۇتىدۇ. ئۇرۇقى يۇمىلاق ھەم ياپىلاق، رەڭگى قوڭۇر كېلىدۇ. تروپىك بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغدا ئۆسىدۇ. ئۇرۇقىنى ئىستېمال قىلغىلى ۋە ئۇنىڭدىن ماي تارتقىلى، يىلتىزىنى دورىغا ئىشلەتكىلى، يوپۇرمىقىنى خەشەك قىلغىلى بولىدۇ.

كاجلاشتۇرماق

  • كاجلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «كاجلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كاجلاشماق

  • كاجلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كاج ھالەتكە كەلمەك، گەپ يېمەيدىغان، مەسلىھەتكە كىرمەيدىغان بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] ھوي نېمانچە كاجلىشىپ كەتتىڭ، بىر قېتىم گەپ يېسەڭ بولمامدۇ

كاجلىق

  • كاجلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گەپ يېمەسلىك، جاھىللىق؛ تەتۈرلۈك:[مىسال:] ھۈسەيىن ئاكام قانچە قىلغىنى بىلەنمۇ ئەترەت باشلىقىنىڭ كاجلىقى خېمىغا يانمىدى.

كاجۇ

  • كاجۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قۇدۇقنىڭ تاملىرى ئۆرۈلۈپ سۇنى لاي قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، قۇدۇقنىڭ تېگىگە يەنى سۇ بار يېرىگە بېكىتىدىغان ئاستى-ئۈستى ئوچۇق تۆت چاسا جازا.

كاجۇپ

  • كاجۇپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېگەر تاسمىلىرىنى تىكىشتە ئۇنى قىسىپ تۇتۇپ تۇرىدىغان بىر تەرىپى يېرىق كالتەك، قىسقۇچ.

كاجۇۋا

  • كاجۇۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئېشەك قاتارلىق ئۇلاغلارغا ئارتىشقا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ خۇرجۇنغا ئوخشاش توقۇغان سېۋەت.

كاجى

  • كاجى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە>ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] پاختا يىپتىن توقۇلغان بىر خىل رەخت. يۈزىنىڭ قىيپاش يولى ناھايىتى ئېنىق، ئۆرۈش يىپلىرى زىچراق كېلىدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭدىن كىيىم-كېچەك تىكىلىدۇ.

كاچات

  • كاچات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئېڭەك:[مىسال:] رەيھانەم ھارۋىدىن ئىرغىپ چۈشتى-دە، ئۇنىڭ كاچىتىغا كۈچ بىلەن بىرنى سالدى.[يەشمىسى:] ② قولنىڭ سالالىرى بىلەن ئالىقان قوشۇلغان قىسمى، شاپىلاق:[مىسال:] خالىق تەتۈر كاچات بىلەن بىرنى سېلىۋىدى، مەڭزىمدىن ئوت چىقىپ كەتتى.

كاچاتلاتماق

  • كاچاتلاتماق[يەشمىسى:] «كاچاتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كاچاتلاشماق

  • كاچاتلاشماق[يەشمىسى:] «كاچاتلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سودىگەرنىڭ خوتۇن-قىزلىرى ئۆزلىرىنى كاچاتلىشىپ يىغلاشتى.

كاچاتلىماق

  • كاچاتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شاپىلاق بىلەن ئۇرماق، كاچات سالماق:[مىسال:] قىز ئايۇپنىڭ سول يېنىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۆزىنى كاچاتلاپ، قار-يامغۇر يىغلاۋاتاتتى.

كاچكۇل

  • كاچكۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىش ۋاقىتلىرى مۇزلىغان كۆل ۋە دەريالاردىن سۇ ئېلىش، بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن ئېچىلغان چوڭ تۆشۈك:[مىسال:] ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزايى خۇددى كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەمدەك جاقىلداپ تىترەپ كەتتى.

كاخېكسىيە

  • كاخېكسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] بەدەن ئېغىر دەرىجىدە جۈدەش، كەم قانلىق، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق پۈتۈن بەدەن خىزمىتى زەئىپلىشىش ھادىسىسى. كۆپىنچە راك ۋە ئېغىر سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كادمىي

  • كادمىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى . (Cadmium)Cd كۈمۈشتەك ئاپئاق، سوزۇلۇشچانلىقى كۈچلۈك، نېيتروننى ئاسان سۈمۈرىدۇ، سۇيۇقلىنىش تېمپېراتۇرىسى 123°، قايناش تېمپېراتۇرىسى 877°، ئېرىشچان تۇزلىرى رەڭسىز ۋە زەھەرلىك. ئۇ سۇدا ئېرىمەيدۇ، كىسلاتالاردا ئېرىيدۇ. رېئاكسىيە قازىنىنى كونترول قىلىشتا قوللىنىلىدۇ. قوغۇشۇن، قەلەي قاتارلىقلار بىلەن ھاسىل قىلغان قېتىشمىسى ئاسان سۇيۇقلىنىدۇ، ئادەتتە توك ئوچىقىنىڭ بىخەتەر سىمىنى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.

كادىر

  • كادىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] دۆلەت ئاپپاراتى، ھەربىي قىسىم، خەلق تەشكىلاتى قاتارلىقلاردىكى خىزمەتچى خادىم:[مىسال:] خەلق كادىرى ئۆزىنى خەلقنىڭ چاكىرى دەپ تونۇشى كېرەك.

كادىرلىق

  • كادىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كادىر بولۇش:[مىسال:] كادىرلىققا ئىمتىھان بەرمەك.[يەشمىسى:] ② كادىرلارغا خاس مىجەز-خاراكتېر، سۆز-ھەرىكەت:[مىسال:] كادىرلىقىنى كۆز-كۆز قىلماق. ∥ كادىرلىق كېبىرى.

كارⅠ

  • كارⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئىش:[مىسال:] كارغا كەلمەك. كاردىن چىقماق.[يەشمىسى:] ② مۇناسىۋەت، چاتاق:[مىسال:] ھە 4-خوتتا چۈشسەم، نېمە بوپتۇ سېنىڭ كارىڭ نېمە

كارⅡ

  • كارⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئادەم كېكىرگەندە چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] ئادەم بار يەردە «كار» قىلىپ كېكىرىش ئەدەپتىن ئەمەس.

كارابىن

  • كارابىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] قىسقا ئىستوۋۇللۇق مىلتىق، مىشەكنى ئۆزى تارتىپ چىقىرىدۇ، ئارقا-ئارقىدىن ئاتقىلى بولىدۇ.

كاراپ

  • كاراپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېلىقلارنىڭ بىر خىلى، كۈچى زور، ۋەھشىي كېلىدۇ.

كارات

  • كارات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەرۋايىتنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بىرلىكى. ئادەتتە 2.0 گرامغا تەڭ.

كاراس

  • كاراس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق نەرسىلەرنى چاينىغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

كاراسسىدە

  • كاراسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «كاراس» قىلغان ئاۋازنى چىقىرىپ، «كاراس» قىلغان ھالدا:[مىسال:] كاكچىنى كاراسسىدە چاينىماق.

كاراس-كاراس

  • كاراس-كاراس[يەشمىسى:] «كاراس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] بالىلار قاتتىق ناننى كاراس-كاراس چايناپ يېيىشكە باشلىدى.

كاراس-كۇرۇس

  • كاراس-كۇرۇس[يەشمىسى:] «كاراس» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] قارا ئايغىرنىڭ كاراس-كۇرۇس قىلىپ قوناق يەۋاتقانلىقى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

كاراسلاتماق

  • كاراسلاتماق[يەشمىسى:] «كاراسلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ قېتىپ تاشتەك بولۇپ كەتكەن زاغرىنى ناۋات چاينىغاندەك كاراسلىتىپ يېگىلى تۇردى.

كاراسلاشماق

  • كاراسلاشماق[يەشمىسى:] «كاراسلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كاراسلىماق

  • كاراسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «كاراس» قىلغان ئاۋاز چىقماق.

كاراك

  • كاراك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاغ.

كارامەت

  • كارامەت[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ۋەقە ياكى ھادىسىنى ئالدىنئالا بىلىش:[مىسال:] ھوي، كارامەت كۆرگەندەكلا گەپ قىلىسەنغۇ[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىڭسى، گۇمپا، ماھارەت، كۈچ-قۇۋۋەت:[مىسال:] مەن سەندىن تېز يۈگۈرىمەن قېنى كارامىتىڭ بولسا مەن بىلەن قۇرۇقلۇقتا بەسلىشىپ باق[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان، ھەيران قالارلىق ئىش، مەسىلە؛ مۆجىزە:[مىسال:] ئولتۇرۇپ تۇر، نېمە كارامەت بارلىقىنى ئوقۇپ باققاندىن كېيىن بىلىمىز.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاجايىپ، قالتىس، ئالامەت، ھەيران قالارلىق:[مىسال:] پۈتكۈل باغ كارامەت خۇشاللىق تەنتەنىسى بىلەن تولدى.[يەشمىسى:] ⑤ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

كارامەتچى

  • كارامەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالدىن بېشارەت بەرگۈچى؛ كارامەت كۆرسەتكۈچى:[مىسال:] ئەمدى كارامەتچىلەرنىڭ كارامەتلىرى ئۆز كۈچىنى يوقاتقانىدى.

كارامەتلىك

  • كارامەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كارامىتى بار، كارامەت كۆرسىتەلەيدىغان؛ ئاجايىپ-غارايىپ، سېھىرلىك:[مىسال:] تاماشا كۆرگۈچىلەر يىگىتنىڭ بۇ كارامەتلىك خىسلىتىگە ئاپىرىن ئەيلەپتۇ.

كارانتىن

  • كارانتىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئادەم، ھايۋان ياكى زىرائەتلەرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى سىرتقى جايلاردىن ئۆز رايونىغا كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى. ئادەتتە ئۇ يۇقۇملۇق كېسەللىك رايونىدىن كەلگەن ئادەم، مال، كېمە، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش، دېزىنفىكسىيە قىلىش ياكى ئىزولياتسىيە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كارايەت

  • كارايەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مۇھىملىق، ئەھمىيەت؛ زۆرۈرىيەت:[مىسال:] كارايىتى چاغلىق. * كارايىتى يوق.

كارەك

  • كارەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كاناي.

كاربازول

  • كاربازول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، مولېكۇلا فورمۇلىسى.(C6 H4)2 NH ئاق رەڭلىك كرىستال، ئوڭايلا سوبلىماتسىيىلىنىدۇ، سىنتېتىك بوياق ۋە سۇلياۋ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ خام ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.

كاربوكسىل

  • كاربوكسىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] كاربونات كىسلاتاسى گىدروكسىد ئاتوملار گۇرۇپپىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن ھاسىل بولغان بىر ۋالېنتلىق رادىكال.

كاربون

  • كاربون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مىتاللوئىد ئېلېمېنت، بەلگىسى . (carbonium)C ئۈچ خىل ئاللوترۇپىك شەكىل ئۆزگىرىشى بولىدۇ، يەنى ئالماش، گرافىت ۋە كرىستالسىز كاربون. كاربوننىڭ خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق، ھاۋادا ئۆزگەرمەيدۇ، كاربون ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ مۇھىم تۈزگۈچىسى بولۇپ، سانائەت ۋە دورىگەرلىكتە قوللىنىلىشى ئىنتايىن كەڭ.

كاربون (Ⅳ) ئوكسىد

  • كاربون (Ⅳ) ئوكسىد[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئانئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى CO2. سۇدا ئاسان ئېرىپ كاربونات كىسلاتا ھاسىل قىلىدۇ. يانمايدۇ ھەم يېنىشقىمۇ ياردەم بەرمەيدۇ. ئادەتتە ئۇ ناترىي كاربونات، قۇرۇق سۇ ۋە گاز سۈيى قاتارلىقلارنى ئىشلەشتە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوت ئۆچۈرۈشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ يەنە «كاربونات ئانگىدرىد» يەنى «كاربونات كىسلاتا گازى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

كاربونلۇق

  • كاربونلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كاربونى بار، تەركىبىدە كاربون بولغان:[مىسال:] كاربونلۇق پولات.

كاربونىل

  • كاربونىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] كاربون بىلەن ئوكسىگېندىن تۈزۈلگەن رادىكال (=CO).

كاربىد

  • كاربىد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] كاربون بىلەن مېتال ئېلېمېنتلار ياكى بىر قىسىم مېتاللوئىد ئېلېمېنتلارنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان ئىككى نېگىزلىك بىرىكمە. ئۇنى كوۋالېنتلىق كاربىد، مېتاللىق كاربىد ۋە ئىئونلۇق كاربىد دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

كاربىلئامىن

  • كاربىلئامىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. ئومۇمىي فورمۇلىسى .R-NC رەڭسىز سۇيۇقلۇق. سېسىق پۇراققا ئىگە.

كاربيوراتور

  • كاربيوراتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] بېنزىننى يېقىلغۇ قىلىدىغان ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلنىڭ بىر بۆلىكى. ئۇ بېنزىننى تۇمان ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، ھاۋا بىلەن بەلگىلىك نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ، سىلىندىرنى كۆيىدىغان ئارىلاشما گاز بىلەن تەمىنلەش رولىنى ئوينايدۇ.

كارت

  • كارت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئىتتىك نەرسىلەر بىلەن قەغەز، رەخت قاتارلىقلارنى كەسكەندە چىقىدىغان ئاۋاز.

كارتا

  • كارتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] قېلىن ياكى قېلىنراق قەغەزدىن تۆت بۇرجەك قىلىپ كېسىلگەن ۋاراق، ۋاراقچە:[مىسال:] مەن بىر دۆۋە كىتاب ۋە كارتىلار ئىچىدە ئون سائەتلەپ ئولتۇرىمەن.

كارتتىدە

  • كارتتىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «كارت» قىلغان ھالدا، «كارت» قىلىپ:[مىسال:] ھېلىمنىياز ئىتتىك ئورغاق بىلەن ئارغامچىنى كارتتىدە كەستى.

كارت-كارت

  • كارت-كارت[يەشمىسى:] «كارت» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

كارت-كۇرت

  • كارت-كۇرت[يەشمىسى:] كارت قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

كارتوگراف

  • كارتوگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە+گرېكچە[[يەشمىسى:] كارتوگرافىيە مۇتەخەسسىسى.

كارتوگرافىيە

  • كارتوگرافىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە+گرېكچە[[يەشمىسى:] جۇغراپىيىلىك خەرىتىلەرنى تۈزۈش ھەققىدىكى پەن ۋە شۇنداق خەرىتىلەرنى سىزىش ئىشى.

كارتون

  • كارتون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[يەشمىسى:] مەخسۇس ئىشلەنگەن قېلىن، قاتتىق قەغەز.

كارتون فىلىم

  • كارتون فىلىم[كەسىپ تۈرى:]>كىنو<[يەشمىسى:] گۈزەل سەنئەت فىلىمىنىڭ بىر خىلى. بۇنىڭدا ئادەم، نەرسىلەرنىڭ چىراي ئىپادىسى، ھەرىكىتى ۋە ئۆزگىرىشلىرى قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا نۇرغۇنلىغان كارتون قەغەزلەرگە سىزىلىپ، ئاندىن كېيىن كىنوغا ئېلىش ئاپپاراتى ئارقىلىق بىر-بىرىگە ئۇلىغان ھالدا كىنوغا ئېلىنىدۇ.

كارتۇشكا

  • كارتۇشكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① قېلىن، قاتتىق قەغەزدىن تۆت بۇرجەك قىلىپ كېسىلگەن ۋاراقچە؛ كارتا:[مىسال:] جۈملە كارتۇشكىسى.[يەشمىسى:] ② بىرەر كىشىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ۋەزىپىسى قاتارلىقلار يېزىلغان گۇۋاھلىق قەغەز:[مىسال:] ئىسىم كارتۇشكىسى.

كارتېل

  • كارتېل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] كاپىتالىستىك مونوپول تەشكىلات شەكىللىرىدىن بىرى، يەنى ئوخشاش بىر خىل تاۋارنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارنىڭ بازارنى مونوپول قىلىپ، كۆپ پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، تاۋار باھاسى، مەھسۇلات مىقدارى قاتارلىق جەھەتلەردە توختام تۈزۈشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئۇيۇشما. قاتناشقۇچىلار ئىشلەپچىقىرىش، سودا ھەم قانۇن جەھەتلەردە ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

كارتىلداتماق

  • كارتىلداتماق[يەشمىسى:] «كارتىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] «خىزىر» گال ئۇستىرا بىلەن باينىڭ بىر باغلام بېدىدەك ساقىلىنى كارتىلدىتىپ چۈشۈرۈپ تاشلاپتۇ.

كارتىلدىماق

  • كارتىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كارت قىلغان ئاۋاز چىقارماق، كارت-كارت قىلماق.

كارخانا

  • كارخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىشلەپچىقىرىش، ترانسپورت، سودا قاتارلىق ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تارماق. مەسىلەن، زاۋۇت، كان، تۆمۈريول، سودا شىركەتلىرى قاتارلىقلار:[مىسال:] كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشىنى كارخانا مەسئۇللىرى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

كارخانىچى

  • كارخانىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كارخانا باشقۇرۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئادەم.

كارخانىلاشتۇرماق

  • كارخانىلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «كارخانىلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كارخانىلاشتۇرۇلماق

  • كارخانىلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «كارخانىلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كارخانىلاشماق

  • كارخانىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كارخانا ھالىتىگە كەلمەك، كارخانىغا ئايلانماق.

كاردار

  • كاردار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] ۋەزىر خىزمەتچىسى.

كارداڭ

  • كارداڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تەجرىبىلىك، پېشقەدەم؛ قېرى:[مىسال:] كارداڭ ئادەم. كارداڭ تېرەك. ∥ ئىشنى كارداڭدىن سوراڭ، ئۇننى باداڭدىن (ماقال).

كاردىنال

  • كاردىنال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] خرىستىئان دىنىنىڭ كاتولىك مەزھىپىدىكى راھىبلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى. پاپا ئۆلسە، كاردىناللار يىغىلىپ، ئۆزئارا يېڭى پاپا سايلاپ چىقىدۇ. كاردىناللار ئادەتتە قىزىل تون كىيىدۇ.

كاردىناللىق

  • كاردىناللىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كاردىناللارغا بېرىلگەن ۋەزىپە-ئەمەل ياكى ئۇلارغا يۈكلەنگەن خىزمەت:[مىسال:] كاردىناللىققا ئېرىشمەك. كاردىناللىق قىلماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كاردىناللارغا خاس:[مىسال:] مونتانېللى شۇ قەدەر يېقىندىن ئۆتتىكى، قىزغۇچ كاردىناللىق چاپىنى كۆكۈيۈننىڭ يۈزىگە تېگىپ كەتتى، شۇنداق بولسىمۇ سەزمىدى.

كاررىدە

  • كاررىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «كار» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ، «كار» قىلىپ:[مىسال:] ئۇ تاماقتىن كېيىن كاررىدە بىرنى كېكىرىپ سۆزىنى داۋام قىلدى.

كارساڭ

  • كارساڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىلتىقنىڭ ئىستوۋۇلىنى تىقىپ ئاتىدىغان، مىلتىقنىڭ شىرىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يۇمىلاق تۆمۈر.

كار-كار

  • كار-كار[يەشمىسى:] «كارⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

كاركىراتماق

  • كاركىراتماق[يەشمىسى:] «كاركىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھوي نىياز، بۇ نېمىلىرىڭنى تولا كاركىراتماي بالدۇرراق يولغا سالساڭ بولمامدۇ، دەپ كايىدى بوۋاي.

كاركىراشماق

  • كاركىراشماق[يەشمىسى:] «كاركىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كوچا مەستلىرى تولا كاركىرىشىپ ھاردى بولغاي، تۈن نىسبى بولغاندا ئەتراپ جىمىدى.

كاركىرىماق

  • كاركىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «كار-كار» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «كار-كار» قىلماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كەلسە-كەلمەس، ئالىتاغىل توۋلىماق، ۋارقىراپ-جارقىرىماق:[مىسال:] باي چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ[مىسال:] مەن ئۈجمىنىڭ ئايدىڭدىكى سايىسىنى ساتمىغان، دەپ كاركىراپتۇ.

كارگەر

  • كارگەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئىشچى، تېخنىك ياكى ھۈنەرۋەن.

كارناللىت

  • كارناللىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنىرال. ئۇنىڭ خىمىيىلىك بەلگىسى . KMgCI3‘ CI6H2Oيانتۇ ياقلىق كرىستال سىستېمىسىغا كىرىدۇ. قۇراشمىسى دانىچە ياكى زىچ كاللەكسىمان، ساپلىرى رەڭسىز كېلىدۇ. ماي پارقىراقلىقىغا ئىگە. سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 6.1.

كاروتىن

  • كاروتىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى C 04 H65 قېنىق بىنەپشە قىزىل رەڭلىك كرىستال. سەۋزە، تۇخۇم سېرىقى ۋە سۈتتە مىقدارى كۆپرەك بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن A غا ئۆزگىرىدۇ. بەزى مېۋىلەر ۋە كۆكتاتلارنىڭ قىزىل رەڭلىك بولۇشى، بەزى ئۆسۈملۈك يوپۇرماقلىرىنىڭ كۈز پەسلىدە قىزغۇچ سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىشى كاروتىننىڭ بولغانلىقىدىن بولىدۇ.

كارول

  • كارول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① پادىشاھ، شاھ.[يەشمىسى:] ② قارتا ئويۇنىدىكى تۇزدىن كىچىك، ماتكىدىن چوڭ تۇرىدىغان قارتا.

كاروللۇق

  • كاروللۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پادىشاھلىق، شاھلىق.

كارۋان

  • كارۋان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئات-ئۇلاغ، ھارۋىلار بىلەن بىر جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا يۈك توشۇغۇچىلار توپى:[مىسال:] كارۋانلار سارايدا تۈنەپ، سەھەردە يەنە يولغا چىقىپتۇ.

كارۋانچىلىق

  • كارۋانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كارۋانلارنىڭ سودا-تىجارەت پائالىيىتى.

كارىدور

  • كارىدور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① بىنانىڭ ئىچىدىكى ئۆيلەرگە كىرىش ۋە ئۆيلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بوشلۇق، يول:[مىسال:] كارىدوردا يەنە ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتۈرۈلدى.[يەشمىسى:] ② ئىككى رايوننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان تار، ئۇزۇن كەتكەن بەلۋاغ (رايون) قا قارىتىلىپ ئېيتىلىدۇ:[مىسال:] خېشى كارىدورى.

كارىدورلۇق

  • كارىدورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كارىدورى بار؛ كارىدورى بولغان:[مىسال:] كارىدورلۇق بىنا.

كارىز

  • كارىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ① ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىجاد قىلغان يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش قۇرۇلمىسى، يەنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە يۆنەلگەن بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە كولانغان ۋە ئاستى بەلگىلىك ئۆلچەمدە بىر-بىرىگە تەشمىلەر ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان قۇدۇقلار. ھەممە قۇدۇقلارنىڭ سۈيى يىغىلغاندا ئايىغىدا يەر ئۈستىگە ئېقىپ چىقىدۇ. بۇ ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇرپان ۋىلايىتىدە كەڭ ئومۇملاشقان.[يەشمىسى:] ② ئازگال:[مىسال:] كۆزۈڭگە قاراپ ماڭ، كارىزغا چۈشۈپ كېتىسەن.

كارىزچى

  • كارىزچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كارىز قازىدىغان، كارىزغا قارايدىغان كىشى.

كارىزچىلىق

  • كارىزچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كارىز چېپىش ئىشى، پائالىيىتى.

كارىزلىق

  • كارىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كارىز بار، كارىز قېزىلغان جاي، ئورۇن.

كارىست

  • كارىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاساسەن سۇ ئېقىنىنىڭ كاربوناتلىق جىنس قاتارلىق ئېرىشچان جىنسلارغا بولغان خىمىيىلىك تەسىرىنى ئاساس، مېخانىكىلىق تەسىرىنى قوشۇمچە قىلغان گېئولوگىيىلىك تەسىر جەريانى ۋە بۇ جەرياندا پەيدا بولىدىغان ھادىسىلەرنىڭ ئورتاق نامى.

كارىلداتماق

  • كارىلداتماق[يەشمىسى:] «كارىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كارىلداشماق

  • كارىلداشماق[يەشمىسى:] «كارىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كارىلدىماق

  • كارىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كار قىلغان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋازلارنى چىقارماق، كار-كار، كار-كۇر قىلماق.

كارىۋات

  • كارىۋات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئۈستىدە يېتىپ ئۇخلاش ۋە ئارام ئېلىش ئۈچۈن تۆت پۇتلۇق قىلىپ ياسالغان ئائىلە سايمىنى:[مىسال:] ياغاچ كارىۋات. تۆمۈر كارىۋات.

كارىۋاتلىق

  • كارىۋاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كارىۋىتى بار؛ كارىۋات سىغىدىغان:[مىسال:] سۇنتاغ يېزىسىدا 40 نەچچە كارىۋاتلىق بىر دوختۇرخانا قۇرۇلدى. [يەشمىسى:] ② كارىۋاتقا باب كېلىدىغان، كارىۋات ياساشقا بولغۇدەك:[مىسال:] بىر كارىۋاتلىق ياغاچ.

كاززاپ

  • كاززاپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يالغانچى، ئالدامچى، ساختىپەز، قىزىل كۆز:[مىسال:] كاززاپ ئادەم.

كاززاپلىق

  • كاززاپلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يالغانچىلىق، ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق، قىزىل كۆزلۈك:[مىسال:] كاززاپلىق قىلماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] كۆرۈنۈشتە شەكىل جەھەتتىن توغرا ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى قوللانغاندەك بولۇپ، ئەمەلىيەتتە لوگىكا قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، قارىماققا توغرىدەك، ئەمەلىيەتتە بولسا ناتوغرا يەكۈنلەرنى چىقىرىش.

كازۇئارىن

  • كازۇئارىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كازۇئارىن دەرىخى ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. كىچىك شاخلىرى كۈل رەڭ يېشىل، كۆپ بوغۇملۇق بولىدۇ. گۈلى تاق جىنسلىق، ئاتىلىق-ئانىلىقى بىر تۈپتە، مېۋە رېتى شار شەكلىدە بولىدۇ. قاتتىق مېۋىسى كىچىك، قاناتلىق. ياغىچى قاتتىق، ئۇزۇن چىدايدۇ، شىپال قىلىشقا بولىدۇ. قوۋزىقىدىن كاشتان يېلىمى ئېلىنىدۇ ياكى بېلىق تورلىرىنى بوياشقا ئىشلىتىلىدۇ.

كازېئىن

  • كازېئىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ھايۋانات سۈتى تەركىبىدىكى ئاقسىل ماددىسىنى كىسلاتا بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ قاتۇرۇش ئارقىلىق ئاجرىتىپ ئېلىنىدىغان پاراشوك. سارغۇچ ئاق كېلىدۇ. ئادەتتە يېمەكلىك تەييارلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. يەنە بوياق، سۈنئىي تالا قاتارلىقلارنى ياساشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

كاژ

  • كاژ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قىزىق مايدا گۆش ۋە سەي قاتارلىق نەرسىلەرنى قورۇغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

كاژ-كۇژ

  • كاژ-كۇژ[يەشمىسى:] «كاژ» قىلغان ۋە شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] ئاشخانا ئۆيدىن كاژ-كۇژ قىلىپ سەي قورۇۋاتقان ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

كاژىلداتماق

  • كاژىلداتماق[يەشمىسى:] «كاژىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كاژىلداشماق

  • كاژىلداشماق[يەشمىسى:] «كاژىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كاژىلدىماق

  • كاژىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «كاژ-كاژ» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «كاژ-كاژ» قىلماق.

كاس

  • كاس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مەلۇم نەرسىلەرنى چىشلەپ ئۈزگەندە، سوغۇقتىن مۇزلاپ تىترىگەندە چىشنىڭ بىر-بىرىگە سۈركىلىشىدىن چىقىدىغان ئاۋاز.

كاسا

  • كاسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① پىيالىدىن چوڭراق، ئاساسەن سۇيۇقلۇق ۋە سۇيۇق نەرسە قۇيۇپ ئىچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ياغاچ قاچا:[مىسال:] بىر كاسا قېتىق.[يەشمىسى:] ② تاۋۇز، قوغۇن قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىدىن بۆلگەندىكى بىر پارچىسى، يېرىمى:[مىسال:] قوغۇننى كاسا قىلىپ يېمەك.[يەشمىسى:] ③ ئادەم بەدىنىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئىككى پۇتىنىڭ بەل بىلەن تۇتاشقان قىسمى، قوڭ، يانپاش، سۆڭگەچ:[مىسال:] بىرى ئالدىمدىكى بالداق تۆمۈرگە ئېرغىپ چىقىپ كاسسىسىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇراتتى.

كاساپەت

  • كاساپەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① يامان ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولغۇچى كىشى ياكى نەرسە:[مىسال:] بۇ كاساپەتنىڭ كەينىگە كىرسەڭ بىرەر بالاغا يولۇقماي قالمايسەن.[يەشمىسى:] ② «بالا تەگكۈر»، «ئۆلگۈر» دېگەن مەنىلەردىكى ھاقارەت سۆزى:[مىسال:] مىڭلاپ-مىڭلاپ دانلار قېنى ئۈجمىنىڭ شېخىدا ئولتۇرغان مۇشۇ كاساپەتلەر يەپ كەتتى-دە.[يەشمىسى:] ③ شەخس قوشۇمچىلىرى بىلەن كېلىپ «سەۋەبى، تۈپەيلى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مېنىڭ بۇ يەرگە كىرىپ قېلىشىم ئاشۇنىڭ كاساپىتى.

كاساپىتى تەگمەك

  • كاساپىتى تەگمەك[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ ئىشىنىڭ دەخلىسى يەتمەك، كاشىلا پەيدا قىلماق:[مىسال:] ياماننىڭ كاساپىتى تېگەر، ياخشىنىڭ شاراپىتى (ماقال).

كاساپىتىگە كەتمەك

  • كاساپىتىگە كەتمەك[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ يامان ئىشىغا چېتىلىپ قالماق، بىراۋنىڭ سەۋەبىدىن زىيان تارتماق:[مىسال:] ئابلىز قارىي تۇغقىنىنىڭ كاساپىتىگە كېتىپ قېلىشىدىن قورقاتتى.

كاساپەتچىلىك

  • كاساپەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پېشكەللىك، كېلىشمەسلىك:[مىسال:] دۇنيادا ھاراقتىن كىممۇ ياخشىلىق كۆرۈپتۇ رەسۋاچىلىق، كاساپەتچىلىكنىڭ مەھمىسى ھاراقتىن چىقىۋاتمامدۇ.

كاسات

  • كاسات[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] خېرىدارى يوق، بازىرى چىقمىغان، ئۆتمەس:[مىسال:] كاسات مال. بازار كاسات.

كاساتچىلىق

  • كاساتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بازىرى بولمىغان، خېرىدارى يوق، كاسات ھالەت:[مىسال:] بازارلار كاساتچىلىق، ئامالسىز بازار ئىزدەپ، ئېشەكلىك يۇرتمۇيۇرت دوقۇرۇپ يۈرىدۇ.

كاساتلاشتۇرماق

  • كاساتلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «كاساتلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ قاراپ تۇرۇپ باشقىلارنى دەپ ئۆزىنى كاساتلاشتۇرغانلىق ئەمەسمۇ.

كاساتلاشتۇرۇشماق

  • كاساتلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «كاساتلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كاساتلاشتۇرۇلماق

  • كاساتلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «كاساتلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كاساتلاشماق

  • كاساتلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كاسات بولۇپ قالماق، بازىرى چىقماي قالماق:[مىسال:] مەھسۇلات تۈرى ۋە ئۆلچەملىرى بازارغا ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن كاساتلىشىپ بېسىلىپ قالدى.

كاساتلىق

  • كاساتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بازىرى چىقماسلىق، بېسىلىپ قېلىش، كىرىزىسكە دۇچ كەلگەن ھالەت.

كاساس

  • كاساس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چاتىقى، كارى.

كاساڭ

  • كاساڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يوغان ياغاچ ئاياق، تەڭنە.

كاساڭچى

  • كاساڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كاساڭ ياسىغۇچى ئۇستا.

كاستۇم

  • كاستۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] قايرىما ياقىلىق، كۆكرەك ئالدى ئوچۇق، ئىككى، ئۈچ ياكى بىر تۈگمە بىلەن ئىلىنىدىغان، كاسىنى بېسىپ تۇرىدىغان سىرتقى كىيىم.

كاستۇم-بۇرۇلكا

  • كاستۇم-بۇرۇلكا[يەشمىسى:] كاستۇم ۋە بۇرۇلكا:[مىسال:] پەيزۇللا سارجا كاستۇم-بۇرۇلكىنى ئەمەس، ئىش كىيىمىنى كىيدى.

كاستۇملۇق

  • كاستۇملۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كاستۇمى بار، كاستۇم كىيگەن:[مىسال:] ئۇدۇلدىكى تار كوچىدىن كاستۇملۇق بىر كىشى چىقىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ② كاستۇم تىكىشكە يېتىدىغان:[مىسال:] بىر كاستۇملۇق سارجا. ∥ كاستۇملۇق سېتىۋالماق.

كاستۇم-يوپكا

  • كاستۇم-يوپكا[يەشمىسى:] كاستۇم ۋە يوپكا.

كاسسا

  • كاسسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[يەشمىسى:] پۇل بىلەن ئىش ئېلىپ بارىدىغان، ئىقتىسادقا ئائىت مۇئامىلە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئايرىم ئورۇن ياكى تەشكىلنىڭ ئومۇمىي نامى:[مىسال:] ئامانەت كاسسىسى. ھەمكارلىق كاسسىسى.

كاسسىدە

  • كاسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «كاس» قىلىپ، «كاس» قىلغان ھالدا:[مىسال:] كاسسىدە ئۈزۈۋالماق.

كاسسىر

  • كاسسىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مالىيە<[يەشمىسى:] ئورگان، تەشكىلات، كارخانا قاتارلىقلاردىكى نەق پۇل، چەك، تالون قاتارلىقلارنىڭ كىرىم-چىقىم ھېساباتىغا مەسئۇل خادىم.

كاسسىرلىق

  • كاسسىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كاسسىرلار قىلىدىغان كەسىپ:[مىسال:] رۇقىيە شەھەر مەركىزىدىكى بىر سودا ماگىزىنىدا كاسسىرلىق قىلاتتى.

كاسكاⅠ

  • كاسكاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ھەربىيلەر، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ۋە شۇ قاتارلىقلار كىيىدىغان مېتال قالپاق.

كاسكاⅡ

  • كاسكاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قۇيرۇقىنى چاترىقىغا تىقىپ، چىشلىرىنى كاسىلدىتىپ تۇرۇپ قاۋايدىغان (ئىت ھەققىدە):[مىسال:] كاسكا ئىت.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاغزى بېسىقماي تولا سۆزلەيدىغان:[مىسال:] كاسكا خوتۇن. * بۈۋۈمنىڭ ئەل ئىچىدە «توختىخان كاسكا» دېگەن لەقىمىمۇ بار ئىدى.

كاسكاس

  • كاسكاس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «كاسكاⅡ»گە قاراڭ:[مىسال:] ھېلىقى ھەنىپەك دېگەن كاسكاس بىلەن راسا ئۇرۇشتۇم.

كاس-كاس

  • كاس-كاس[يەشمىسى:] «كاس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

كاسكاسلىق

  • كاسكاسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاغزى بېسىقماي تولا سۆزلەيدىغان ئادەت.

كاسىپ

  • كاسىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچى، ھۈنەرۋەن:[مىسال:] قىز يەنە ماھىر كاسىپ ئىدى.

كاسىپلىق

  • كاسىپلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كاسىپلار قىلىدىغان ئىش، ھۈنەر.

كاسىلاتماق

  • كاسىلاتماق[يەشمىسى:] «كاسىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئاسىم تاۋۇزنى كاسىلىتىپ قوشۇقتا ئىشتىھا بىلەن ئويۇپ يېدى.

كاسىلاشماق

  • كاسىلاشماق[يەشمىسى:] «كاسىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كاسىلانماق

  • كاسىلانماق[يەشمىسى:] «كاسىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كاسىلداتماق

  • كاسىلداتماق[يەشمىسى:] «كاسىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سىڭلىمنىڭ بالىلىرى كاسىلدىتىپ چىشلەپ، ھۇزۇر بىلەن ئالما يېيىشمەكتە ئىدى.

كاسىلداشماق

  • كاسىلداشماق[يەشمىسى:] «كاسىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تولا كاسىلداشماڭلار، دېدى ئايگۈل باشقىلارغا.

كاسىلدىماق

  • كاسىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «كاس-كاس» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «كاس-كاس» قىلماق:[مىسال:] سوغۇقتىن ئۇنىڭ چىشلىرى كاسىلداپ كېتىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تولا سۆزلىمەك، كاپشىماق:[مىسال:] بۇ چاغدا يەنە بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ كاسىلدىغىلى تۇردى.

كاسىلىق

  • كاسىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كاسا قىلىشقا بولىدىغان، كاسا چىقىدىغان:[مىسال:] كاسىلىق ياغاچ.

كاسىلىماق

  • كاسىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كاسا قىلماق، كاسا قىلىپ يارماق:[مىسال:] قوغۇننى كاسىلاپ يېمەك.

كاسىمىق

  • كاسىمىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىسكەرچىلىكتىكى كىچىك يۈزلۈك، پۇتلۇق سەندەل.

كاسىنا

  • كاسىنا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بۇيرۇتۇلغان، بۇيرۇتۇش ئارقىلىق قىلىنىدىغان:[مىسال:] ئاسىمنىڭ دادىسى شايى-بەقەسەم توقۇيدىغان ھۈنەرۋەن-كاسىپ ئىدى، كاسىنا ئىش قىلاتتى.

كاسىنە

  • كاسىنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تىك، ئوتتۇرىسى كاۋاك، كۆپ شاخلىنىدۇ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى يوق. يەر ئۈستى قىسمى دورا قىلىنىدۇ، جىگەرنى تازىلاش، يۆتەلنى بېسىش، ھاسىراشنى توختىتىش رولى بار.

كاسىنىچى

  • كاسىنىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇيرۇتما ئىش قىلىدىغان ھۈنەرۋەن، كاسىپ.

كاسىنىچىلىق

  • كاسىنىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇيرۇتۇلغان بۇيۇملارنى تەييارلاش ئىشى؛ كاسىنا ئىش، ھۈنەر.

كاسىۋال

  • كاسىۋال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئۈچ قىرلىق ئېكەك.

كاشا

  • كاشا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇڭدىن توقۇلغان ياپىلاق ئارغامچا.

كاشتان

  • كاشتان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① دۇب دەرىخى ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى ئۇزۇن، يۇمىلاق شەكىلدە بولۇپ، ئارقا تەرىپىدە ئاق رەڭلىك تىۋىتى بولىدۇ. گۈلى سارغۇچ ئاق، مېۋىسى قاتتىق مېۋە، مېۋىسىنى يېيىشكە بولىدۇ، قوۋزىقى ھەم شاكىلى تېرە ئەيلەش ۋە بوياشتا ئىشلىتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

كاشتانلىق

  • كاشتانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كاشتان دەرىخى كۆپ ئۆسكەن جاي، يەر.

كاشكاپ

  • كاشكاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قاينىتىپ چىلاپ ئېچىلىدىغان دورا:[مىسال:] باغنىڭ ئىچىدە يىلان، كاشكاپ بولىدۇ چىلان. بار ئوتۇڭغا سەپ قويۇپ، ئەجەب قىلدىڭغۇ ھەيران.

كاشكى

  • كاشكى[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «شۇنداق بولسا ئىدى» دېگەن مەنىدىكى بىر ئىشنىڭ ئورۇندىلىشىدىن ئۈمىد كۈتۈپ ئېيتىلىدىغان سۆز:[مىسال:] بۇ قاراڭغۇدا قانداقمۇ كېتەرسىلەر ئايدىڭ بولغان بولسىمۇ كاشكى.

كاشى

  • كاشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① سىرلىق ساپال.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئارخېئولوگىيە<[يەشمىسى:] قەدىمكى بىناكارلىق قۇرۇلۇشىدا ئىشلىتىلگەن، ئۈستىگە ماي بوياق بېرىپ پىشۇرۇلغان ساپاللارنىڭ ئورتاق نامى.

كاشىلا

  • كاشىلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ماشىنا ۋە ھەر خىل ئەسۋابلارنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان نورمالسىزلىق:[مىسال:] ماشىنىنىڭ ئوت ئالدۇرۇش سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنىدى.[يەشمىسى:] ② توسقۇنلۇق، دەخلى؛ چاتاق:[مىسال:] كاشىلا بولماق. كاشىلا قىلماق. * سۆز قوغلىغان كاشىلىغا يولۇقار، يول قوغلىغان خەزىنىگە يولۇقار (ماقال).

كاشىلىسىز

  • كاشىلىسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كاشىلىغا ئۇچرىماي، توسقۇنلۇقسىز:[مىسال:] سەمەت ھېچقانداق كاشىلىسىز ھۆكۈمەت قورۇسىغا يېتىپ كەلدى.

كاشىلىق

  • كاشىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كاشىسى بار، كاشى قويۇلغان:[مىسال:] تاۋاپ دېگىنى ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئاپئاق، ياسالغان ھەشەمەتلىك كاشىلىق تاغ.

كاشىم

  • كاشىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئىككى-ئۈچ قېتىم قايتىلانغان پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق. گۈلى ئاق، مېۋىسى سوقىچاق. يىلتىزسىمان غولى دورا قىلىنىدۇ. ھەيزنى تەڭشەش، قاننى جانلاندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش رولى بار.

كافې

  • كافې[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گوللان>ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «قەھۋە»گە قاراڭ.

كافېدرا

  • كافېدرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان ئاساسىي بىرلىك. ئادەتتە بىر ياكى بىرنەچچە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك پەنلەر بويىچە تەشكىللىنىدۇ.

كاكا

  • كاكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① تۇخۇم.[يەشمىسى:] ② [مىسال:] [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسى.

كاكار

  • كاكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەربىي، ساقچى قاتارلىقلارنىڭ باش كىيىمىگە تاقىلىدىغان ئىزناك، بەلگە.

كاكائو

  • كاكائو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىسپانچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] جۇڭگو چىنارى ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە، گۈل تاجى سارغۇچ، گۈل كاسسىسى ھال رەڭ، مېۋىسى تۇخۇم شەكىللىك، رەڭگى قىزىل ياكى سېرىق بولىدۇ. ئۇرۇقى قۇرۇپ، پىشۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلىنغان پاراشوكىدىن ئىچىملىك ئىشلەشكە بولىدۇ. ئۇرۇقىدىن چىقىرىلغان ياغ دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدىن چىقىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئۇرۇقىدىن ئىشلەنگەن پاراشوك.[يەشمىسى:] ③ ئۇرۇقىنىڭ پاراشوكىدىن تەييارلانغان ئىچىملىك.

كاكتۇس

  • كاكتۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كاكتۇس ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك. غولى شار ياكى ئېللىپس شەكلىدە، ئەتلىك، ئۇزۇنىسىغا قىرلىق كېلىدۇ. قىرلىرى ئۈستىدە توپ ھالەتتە ئۆسكەن تىكەنلىرى بولىدۇ. گۈلى چوڭ، قىزىل ياكى ئاق كېلىدۇ. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.

كاكچا

  • كاكچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] نېپىز ئېچىپ، قۇرۇتۇپ پىشۇرۇلغان نان:[مىسال:] سارىخان يۈزىگە سىيادان، پىياز سۈركەلگەن كاكچىلارنى ئوشتۇدى.

كاككۇك

  • كاككۇك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. تېنى قارا كۈل رەڭ، قۇيرۇقىدا ئاق داغلىرى، قورسىقىدا توغرىسىغا كەتكەن قارا يوللىرى بولىدۇ. باش يازدا كېچە-كۈندۈز توختىماي سايرايدۇ. كېپىنەك قۇرتى قاتارلىقلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. پايدىلىق قۇش ھېسابلىنىدۇ. كۆپىنچىسى باشقا قۇشلار چاڭگىسىغا تۇخۇم سالىدۇ.

كاككۇكگۈل

  • كاككۇكگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كاككۇك+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① كاككۇكگۈل ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان ياكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. يوپۇرمىقى ئېللىپس شەكلىدە، گۈلى كۆپىنچە قىزىل بولىدۇ. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

كاكىسالتاڭ

  • كاكىسالتاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]كاكا+سالتاڭ[[يەشمىسى:] قول ئىلكىدە ھېچنېمىسى يوق، ھەممە دەسمايىسىدىن ئايرىلغان.

كاكىل

  • كاكىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تام سۇۋاش ئۈچۈن سامان ئارىلاشتۇرۇپ ئېتىلىدىغان لاي:[مىسال:] تامنىڭ كاكىلىنى بۇزماق.

كاكىللىق

  • كاكىللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كاكىل بىلەن سۇۋالغان؛ كاكىل قىلىنغان:[مىسال:] كاكىللىق تام.

كاكىلىماق

  • كاكىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تۇخۇم تۇغماق (مېكىيان ھەققىدە).

كاكىنەچ

  • كاكىنەچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چەيزە ئائىلىسىدىكى كۆپ ياكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تىك، شاخلانمايدۇ، يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈلى ئاق، گۈل كاسسىسى مېۋىسى بىلەن بىرگە چوڭىيىپ، خالتىغا ئوخشاپ قېلىپ مېۋىنى پۈتۈنلەي ئورىۋالىدۇ. مېۋىسى پىشقاندا قىزىرىدۇ، سىرتىدىكى خالتىغا ئوخشاش گۈل كاسىسىمۇ قىزىرىدۇ. ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، دورىمۇ قىلىنىدۇ. ئىسسىقنى قايتۇرۇش، بەلغەم بوشىتىش رولى بار.

كاڭⅠ

  • كاڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① ئۆينىڭ ئىچىگە خىش ياكى كېسەكتىن ئېگىز قىلىپ ياسىلىدىغان سۇپا شەكىللىك قۇرۇلما. ئۇنىڭ ئوچىقى، تېگىدە ئىس ماڭىدىغان يوللىرى بولىدۇ. ئوچاققا ئوت قالىغاندا ئىسنىڭ تەسىرىدە ئۆي ئىسسىيدۇ. ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىشقىمۇ، يېتىپ ئۇخلاشقىمۇ بولىدۇ:[مىسال:] يىگىتلەر چىراغ كۆتۈرۈپ ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرگەندە 17 — 18 ياشلاردىكى بىر قىز كاڭدا سوزۇلۇپ ياتاتتى.[يەشمىسى:] ② تۆمۈرچىلەر ئىشلىتىدىغان شامال ساندۇقنىڭ ئاستىنقى قېرىنچىسى.

كاڭⅡ

  • كاڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① ئىتنى ئۇرغاندا ياكى ئىت بىرنەرسىدىن زەربە يېگەندە چىقىدىغان ئاۋاز.[يەشمىسى:] ② مەيدىسىگە سوغۇق تەگكەنلىك تۈپەيلى قاتتىق يۈتەلگەندە چىقىدىغان ئاۋاز.

كاڭشىتماق

  • كاڭشىتماق[يەشمىسى:] «كاڭشىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كاڭشىشماق

  • كاڭشىشماق[يەشمىسى:] «كاڭشىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ياققا، بۇ ياققا قوغلىشىپ يۈرگەن ئىتلارنىڭ كاڭشىشلىرى ۋە ئېشەكلەرنىڭ ھاڭرىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

كاڭشىماق

  • كاڭشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «كاڭ» قىلماق، «كاڭ-كاڭ» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق:[مىسال:] مەن ئىتنى يىراققا قوغلىۋېتەي، بولمىسا كاڭشىپ ئۇيقىلىرىنى بۇزىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۇششاق گەپنى تولا قىلماق، ۋالاقشىماق:[مىسال:] نېمە سەن بۆرىنىڭ كۈچۈكى نېمىدەپ كاڭشىۋاتىسەن.

كاڭكاⅠ

  • كاڭكاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كاللەك، مونەك.

كاڭكاⅡ

  • كاڭكاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چوڭ سېۋەت.

كاڭ-كاڭ

  • كاڭ-كاڭ[يەشمىسى:] «كاڭⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

كاڭكىلىماش

  • كاڭكىلىماش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كاللەك، مونەك.

كاڭلىق

  • كاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېڭى بار، كاڭ سېلىنغان:[مىسال:] كاڭلىق ئۆي.

كاڭمەنزە

  • كاڭمەنزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] كاڭنىڭ ئۈستىگە ياپىدىغان، سامان ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدىغان چوڭ كېسەك.

كاڭىلدىماق

  • كاڭىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «كاڭ-كاڭ» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «كاڭ-كاڭ» قىلماق:[مىسال:] ئۇنىڭ مەيدىسىگە سوغۇق تېگىپ قالدىمۇ نېمە، توختىماي كاڭىلداپ يۆتەلگىلى تۇردى.

كالاⅠ

  • كالاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى، تېنى چوڭ، ئاچا تۇياقلىق ھايۋان. بېشىدا كۆپىنچىسىنىڭ بىر جۈپ مۈڭگۈزى، قۇيرۇقىنىڭ ئۇچىدا ئۇزۇن تۈكلىرى بار، كۆشەيدۇ. كۈچلۈك، ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ. سۈت، گۆشلىرى ئىستېمال قىلىنىدۇ. تېرىسى، تۈكى ۋە سۆڭەكلىرىنىڭ پايدىسى كۆپ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] مۈچەل يىل ھېسابىدا ئىككىنچى يىلنىڭ نامى؛ كالا يىلى.

كالاⅡ

  • كالاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تەپكۈچ ئويۇنىنىڭ پاشنا بىلەن تېپىپ ئوينايدىغان بىر خىل شەكلى.

كالاچ

  • كالاچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئۆتۈك، مەسە، بەتىنكە، شىبلىت قاتارلىق ئاياغلارنىڭ ئۈستىگە قاپلاپ كىيىدىغان رېزىنكە ئاياغ كىيىمى:[مىسال:] ئەخمەت ئالىقانلىرى بىلەن باينىڭ كالىچىنى سۈرتۈۋاتاتتى.

كالاسكا

  • كالاسكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئىككى ئات قوشىدىغان تۆت چاقلىق ھارۋا.

كالاڭ

  • كالاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىڭغايغان، ئەگرى، تۈز ئەمەس (ئاپتوموبىل، تراكتور، ھارۋا، ۋېلىسىپىت قاتارلىقلارنىڭ چاقى ھەققىدە):[مىسال:] كالاڭ چاق. كالاڭ كەتمەك.

كالاڭچۇر

  • كالاڭچۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى. چۆرىسىدە ئېگىز قىرى، تۆت بۇلۇڭىدا يۇمىلاق تۆشۈكى بار چاسا تاختا ئۈستىگە جۇڭگوچە شاھمات ئۇرۇقىغا ئوخشاش شەكىلدىكى ئۇرۇقلار قويۇلۇپ، ئوينىغاندا بەلگىلەنگەن قائىدە بويىچە بىر تال تاياق بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇرۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۆشۈكلەرگە بالدۇر ئۇرۇپ كىرگۈزۈۋەتكەنلەر غەلىبە قىلغان بولىدۇ.

كالام

  • كالام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] سۆز، گەپ:[مىسال:] ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام (ماقال).

كالامۇس

  • كالامۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پالما ئائىلىسىدىكى پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، گۈلى سارغۇچ يېشىل، ئاتىلىقى ۋە ئانىلىقى ئايرىم تۈپتە بولىدۇ. مېۋىسى ئېللىپسسىمان كېلىدۇ. غولىنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن، نەرسىلەرنى توقۇشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

كالامۇللا

  • كالامۇللا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاللانىڭ سۆزى:[مىسال:] قۇرئان ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز، دېدى ئۇ تىترەپ تۇرۇپ، كالامۇللانى تۇتۇپ قەسەم قىلىپ بېرىمەن.

كالامۇللا ئۇرسۇن

  • كالامۇللا ئۇرسۇن[يەشمىسى:] «خۇدا ئۇرسۇن» دېگەن مەنىدىكى قەسەم سۆزى.

كالامىتېس

  • كالامىتېس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قەدىمكى ئۆسۈملۈك. 30 مېتىر ئەتراپىدا ئېگىز ئۆسكەن. كاربون دەۋرى ۋە ئىككىلەمچى دەۋرلەردە ياشاپ ئىزى يوقالغان. تاشقا ئايلانغان قېزىلما قالدۇقلىرى تېپىلىدۇ.

كالامىشېرىپ

  • كالامىشېرىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «كالامۇللا»غا قاراڭ:[مىسال:] بىز ئوقۇۋاتقان كالامىشېرىپتا كىشىنىڭ ھەققىنى يېيىش ھارام دەپ يېزىلغان.

كالان

  • كالان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] چوڭ، يوغان، بۈيۈك:[مىسال:] ۋەزىر-ۋۇزرا، كالانلار، پۇستانە ھەم پالانلار، ئاشپەز، ناۋاي، سۇچىلار، دېھقان، مالچى ئوۋچىلار؛ ئەپەندىمگە يالۋۇرۇپ، دەپتۇ:[مىسال:] ئۆزۈڭ داناسەن، بىر ئامال قىل يەنە سەن.

كالانپاي

  • كالانپاي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قوپال، يوغان، كېلەڭسىز، ئىش قاملاشتۇرالمايدىغان:[مىسال:] كالانپاي ئادەم. كالانپاي ئورۇندۇق.

كالانپايلاشتۇرماق

  • كالانپايلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «كالانپايلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كالانپايلاشماق

  • كالانپايلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كالانپاي بولۇپ قالماق، قوپاللاشماق، كېلەڭسىزلەشمەك:[مىسال:] ئۆزۈممۈ قېرىغانسېرى بەك كالانپايلىشىپ كېتىۋاتىمەن.

كالانپايلىق

  • كالانپايلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېلەڭسىزلىك، قوپاللىق:[مىسال:] ئۇنىڭ كالانپايلىقى ھەممەيلەننىڭلا نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋەتتى.

كالپۇك

  • كالپۇك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم ۋە ھايۋانلار ئاغزىنىڭ چۆرىسى، لەۋ:[مىسال:] كالپۇك بولمىسا چىش توڭۇپتۇ (ماقال).

كالپۇكىنى چىشلىمەك

  • كالپۇكىنى چىشلىمەك[يەشمىسى:] ① ئاچچىقىغا ھاي بەرمەك، ئاچچىقىنى باسماق:[مىسال:] ئاچچىقىڭ كەلسە، كالپۇكۇڭنى چىشلە (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئەپسۇس دەپ قالماق، پۇشايمان قىلماق:[مىسال:] بىز بىلەن ماڭ ئاغىنە، بولمىسا كېيىن كالپۇكۇڭنى چىشلەپ قالىسەن، دېدى ئۇ ماڭا.

كالپۇكسىمان

  • كالپۇكسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كالپۇكقا ئوخشايدىغان، كالپۇك شەكلىدىكى:[مىسال:] كالپۇكسىمان گۈل.

كالپۇكلۇق

  • كالپۇكلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كالپۇكى بار:[مىسال:] ئات كالپۇكلۇق بولار، ئادەم بۇرۇتلۇق (ماقال).

كالتە

  • كالتە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۇزۇن ئەمەس، قىسقا:[مىسال:] كالتە قونچلۇق ئۆتۈك. كالتە يۆتەل.

كالتە قوشۇقنىڭ سېپى تەگمەك

  • كالتە قوشۇقنىڭ سېپى تەگمەك[يەشمىسى:] كىچىككىنە مەنسەپكە، ئەمەلگە ئېرىشمەك:[مىسال:] ۋاي خۇدايىم، ساڭا تېخى تۈنۈگۈن كالتە قوشۇقنىڭ سېپى تېگىپ قاپتۇكەن، نېمانچىۋالا قىلىپ كېتىسەن

كالتە قۇيرۇق

  • كالتە قۇيرۇق[يەشمىسى:] قول ئىلكىدە بولمىغان، گاداي:[مىسال:] نادەمنىڭ ئاكىسى نادىر كالتە قۇيرۇق كىشىلەرنى قۇترىتىپ بىزنى يوقاتماقچى بولغان، دېدى ئەختەمباي.

كالتەك

  • كالتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قىسقا، تومراق تاياق:[مىسال:] كالتەك بىلەن ئۇرماق.[يەشمىسى:] ② تاياق، توقماق، مۇشتلارنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن بېرىلگەن زەربە:[مىسال:] سېنىڭ كالتىكىڭنى كۆتۈرەلمەيمەن.

كالتەك توپ

  • كالتەك توپ[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ① توپ تۈرلىرى تەنھەرىكىتىنىڭ بىر خىلى. قائىدىسى ۋە ئىشلىتىلىدىغان سايمانلىرى قورغان توپتىن سەل پەرقلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② كالتەك توپ ھەرىكىتىدە ئىشلىتىلىدىغان توپ. كىچىك ۋە قاتتىق بولىدۇ.

كالتەكچى

  • كالتەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كەلتەك تۇتقۇچى، كالتەك ئىشلەتكۈچى.[يەشمىسى:] ② بىراۋلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن باشقىلارغا ھەيۋە قىلىدىغان، بىراۋلارغا خىزمەت قىلىدىغان كىشى؛ چوماقچى:[مىسال:] كالتەكچىلەرنىڭ چوقان-سۈرەنلىرى بىرئاز پەسەيدى.

كالتەكلەتمەك

  • كالتەكلەتمەك[يەشمىسى:] «كالتەكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كالتەكلەشمەك

  • كالتەكلەشمەك[يەشمىسى:] «كالتەكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] خەلق قوزغىلىپ بۇ ئوغرىلارنى غەزەپ بىلەن كالتەكلەشتى.

كالتەكلەنمەك

  • كالتەكلەنمەك[يەشمىسى:] «كالتەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ قېتىم ئۇ كالتەكلەندى.

كالتەكلىمەك

  • كالتەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كالتەك بىلەن ئۇرماق:[مىسال:] بۇنى كۆرگەن ھېلىقى كىشى چىداپ تۇرالماي، قاتىلنى تازا كالتەكلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەنىۋى جەھەتتىن زەربە بەرمەك، قاتتىق تەنقىدلىمەك:[مىسال:] ئۇ دۈشمەننى ئاجايىپ سۆزلەر بىلەن كالتەكلەيتتى.

كالتە-كۆسەي

  • كالتە-كۆسەي[يەشمىسى:] تايىنى يوق، ئۇششاق-چۈششەك:[مىسال:] كالتە-كۆسەي ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى چېپىش باشقا گەپ، سۇ قۇرۇلۇشى بىلىم بىلەن بولىدىغان ئىش.

كالتە-كۈتە

  • كالتە-كۈتە[يەشمىسى:] پارچە-پۇرات، ئۇششاق-چۈششەك، تايىنى يوق، ئۇزۇن-قىسقا:[مىسال:] كالتە-كۈتە ئىش قىلماق. كالتە-كۈتە گەپ قىلماق. كالتە-كۈتە ياغاچ.

كالتىساق

  • كالتىساق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قىسقا قونچلۇق ئۆتۈك.

كالتسىت

  • كالتسىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاق ياكى باشقا رەڭلەر سەل-پەل ئارىلاشقان بىر خىل مىنېرال. ئۇنى بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، ھەيكەلتىراشلىق ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساشقا ماتېرىيال قىلغىلى بولىدۇ.

كالتسىي

  • كالتسىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ① مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى .(calcium)Ca ئاق رەڭدە، خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى ئاكتىپ. كالتسىينىڭ بىرىكمىلىرى بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ۋە دورىگەرلىكتە كەڭ قوللىنىلىدۇ. ئۇ ئادەم قېنى ۋە سۆڭەكلەردە بولىدۇ. كالتسىي ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا، راخىت كېسىلى پەيدا بولىدۇ. پۇت-قول تارتىشىدۇ. [يەشمىسى:] ② ھاك ماددىسى.

كالتسىيلاشتۇرماق

  • كالتسىيلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «كالتسىيلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كالتسىيلاشتۇرۇلماق

  • كالتسىيلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «كالتسىيلاشتۇرماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كالتسىيلاشماق

  • كالتسىيلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك توقۇلمىلار كالتسىي ئولتۇرۇشۇپ قېلىش نەتىجىسىدە قاتتىقلاشماق.

كالچاڭ

  • كالچاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يوغىناپ قىڭغىر بولۇپ كەتكەن، چوڭلاپ مايماق كەتكەن:[مىسال:] كالچاڭ ئېغىز. كالچاڭ ئاياغ.

كالچايتماق

  • كالچايتماق[يەشمىسى:] «كالچايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دىلمۇرات ئاغزىنى كالچايتىپ مەسخىرىلىك كۈلۈپ كەتتى.

كالچايماق

  • كالچايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاغزىنى بىر يانغا يوغان ئېچىپ سەت ھىجايماق، كۈلمەك:[مىسال:] «ئۆلىمەن دېسە تازنىڭ كۈلكىسى» دەپ نېمە كالچىيىپ كەتتىڭ.

كالچىيىشماق

  • كالچىيىشماق[يەشمىسى:] «كالچايماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كالدىر

  • كالدىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] چۈشىنىكسىز بىرنېمىلەرنى دېيىشكە، سۆزلەشكە تەقلىد قىلىنىدۇ.

كالدىر-كالدىر

  • كالدىر-كالدىر[يەشمىسى:] «كالدىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇلار كالدىر-كالدىر قىلىۋەرسە، قانداق ئۆگەنگىلى بولىدۇ

كالدىر-كۇلدۇر

  • كالدىر-كۇلدۇر[يەشمىسى:] «كالدىر» قىلغان ۋە شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

كالدىرلاتماق

  • كالدىرلاتماق[يەشمىسى:] «كالدىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كالدىرلاشماق

  • كالدىرلاشماق[يەشمىسى:] «كالدىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ ئەسنادا مېنىڭ ئارقامدىلا كىملەرنىڭدۇر كالدىرلاشقىنى ئاڭلاندى.

كالدىرلىماق

  • كالدىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چۈشىنىكسىز بىرنېمىلەرنى دېمەك:[مىسال:] ئۇمۇ ماڭا بىرنەرسىلەرنى كۆرسىتىپ كالدىرلايدۇ، مەنمۇ بىلە-بىلمەي «ھە، ياق» دەپ قويىمەن.

كاللا

  • كاللا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئادەم ۋە ھايۋانلار بوينىنىڭ كۆز، قۇلاق، ئېغىز، بۇرۇن قاتارلىق ئەزالار جايلاشقان قىسمى؛ باش.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مېڭە؛ ئەقىل:[مىسال:] كاللىسى ئىشلىمەك. كاللىسى ئۆتكۈر. كاللا بىلەن ئىش قىلماق.

كاللا دېسە، پاقالچاق دېمەك

  • كاللا دېسە، پاقالچاق دېمەك[يەشمىسى:] بۇ ھەقتە سورىسا، ئۇ ھەقتە جاۋاب بەرمەك؛ تاغدىن گەپ قىلسا، باغدىن جاۋاب بەرمەك:[مىسال:] كاللا دېسە، پاقالچاق دەيدۇ، پىشۇرۇپ بېرەي دېسە خام يەيمەن دەيدۇ (ماقال).

كاللا سوقۇشتۇرماق

  • كاللا سوقۇشتۇرماق[يەشمىسى:] ئارىغا زىددىيەت سالماق، زىتلاشتۇرماق:[مىسال:] باتۇر كاللا سوقۇشتۇرۇش ھېسابىغا ئۆز ئەمەلىنى ئۆستۈرمەكچى ئىدى.

كاللىسىدىن تۈڭلۈك ئاچماق

  • كاللىسىدىن تۈڭلۈك ئاچماق[يەشمىسى:] ئوق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرمەك:[مىسال:] ئەگەر مىلتىق بولغىنىدا بۇ ئۆلگۈرلەرنىڭ كاللىسىدىن تۈڭلۈك ئېچىۋېتەتتىم دېدى ئالىم.

كاللىسىدىن ئۆتمەك

  • كاللىسىدىن ئۆتمەك[يەشمىسى:] قوشۇلماق، ماقۇل بولماق:[مىسال:] بۇ ئىش ئۇنىڭ كاللىسىدىن ئۆتەمدۇ-يوق گەپ مۇشۇ يەردە، دېدى ئالىم ئاكام.

كاللىسىدىن ئىس چىقماق

  • كاللىسىدىن ئىس چىقماق[يەشمىسى:] ئېتىپ ئۆلتۈرۈلمەك.

كاللىسى قاتماق

  • كاللىسى قاتماق[يەشمىسى:] نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالماق، گاڭگىرىماق:[مىسال:] ۋەزىر كاللىسى قاتقان ھالدا غەمگە پېتىپ ئۆيگە قايتىپ كېلىپتۇ.

كاللىسى قىزىپ كەتمەك

  • كاللىسى قىزىپ كەتمەك[يەشمىسى:] بىر ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنى ياخشى ئويلىماستىنلا شۇ ئىشنى قىلىشقا ئالدىرىماق:[مىسال:] ھازىر سېنىڭ كاللاڭ قىزىپ كەتكەندەك تۇرىدۇ. ئالدىرىما، مەيلى قانداق بولمىسۇن، بىز ئۆزىمىزنىڭ يولىدا ماڭىمىز.

كاللىسىنى سىلكىۋەتمەك

  • كاللىسىنى سىلكىۋەتمەك[يەشمىسى:] ھوشيار بولماق، سەگەك بولماق، ياخشى ئويلانماق.

كاللىمۇ يېمەي چىشمۇ چاقماي

  • كاللىمۇ يېمەي چىشمۇ چاقماي[يەشمىسى:] زىيانمۇ تارتماي، پايدىمۇ ئالماي، بىتەرەپ ھالدا:[مىسال:] بولدى قىلساڭچۇ ئەپەندى، كەنجەم چىشمۇ چاقماي، كاللىمۇ يېمەي مەندەك ئۆتىۋەرسە، بىلىم ئۆزۈڭ بىلەن كەتسە بولمىدىمۇ.

كاللا-پاچاق

  • كاللا-پاچاق[يەشمىسى:] كاللا ۋە پاچاق:[مىسال:] كاللا-پاچاق ئۈتلىمەك.

كاللەك

  • كاللەك[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىغىلىپ، ئۇيۇشۇپ، توپلىشىپ يۇمىلاق ياكى قېتىشما ھالەتكە كەلگەن نەرسە، توپ:[مىسال:] قەغەز كاللەكلىرى. * يول ياقىسىدا قىغ كاللەكلىرى تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] يىغىلغان، توپلانغان، ئۇيۇل قىلىنغان:[مىسال:] ئۇلۇغ شاھى ئالەم، دادامدىن قالغان كېپەك ئالتۇنغا كاللەك ئالتۇن تېگىشىپ بېرەمدىكىن، دەپ ئېگىلىپ سالام بېرىپتۇ يىگىت.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر كاللەك يىپ. بىر كاللەك پۇل.

كاللەكبەسەي

  • كاللەكبەسەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كاللەك+بەسەي[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى چوڭ، سىلىق، سېپى ئىنتايىن قىسقا، نۇرغۇنلىغان يوپۇرماقلار قاتمۇقات دەستىلىنىپ كاللەك ھاسىل قىلىدۇ. گۈلى سېرىق، ئادەتتىكى كۆكتاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

كاللەك-كاللەك

  • كاللەك-كاللەك[يەشمىسى:] بىرقانچە كاللەك، نۇرغۇن كاللەك:[مىسال:] ھەممە يەردە كاللەك-كاللەك قىپقىزىل مىس سىملار پارقىراپ تۇراتتى.

كاللەكلەشتۈرمەك

  • كاللەكلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «كاللەكلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كاللەكلەشتۈرۈلمەك

  • كاللەكلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كاللەكلەشتۈرمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كاللەكلەشمەك

  • كاللەكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كاللەك ھالەتكە كەلمەك، كاللەك بولماق:[مىسال:] سۈت پاراشوكى كاللەكلەشكەن، پۇرىقى ئۆزگەرگەن بولسا بۇزۇلغان ھېسابلىنىدۇ.

كاللەكلەنمەك

  • كاللەكلەنمەك[يەشمىسى:] «كاللەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كاللەكلىمەك

  • كاللەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كاللەك ھالەتكە كەلتۈرمەك، كاللەكلەشتۈرمەك:[مىسال:] يىپنى تۈرۈپ كاللەكلىمەك.

كاللىپاي

  • كاللىپاي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]كاللا+پاي[[يەشمىسى:] مالىماتاڭ، قالايمىقان:[مىسال:] كاللىپاي سۆزلىمەك.

كاللىپەز

  • كاللىپەز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆپكە-زاسۈي، كاللا-پاقالچاق پىشۇرۇپ ساتىدىغان كىشى:[مىسال:] ھوي بۇرادەر، سەن ھېلىقى شەھەرنىڭ ھاكىمى ئەمەسمۇ ئەجەبا، ئەمدى كاللىپەزنىڭ ئوچىقىغا ئوت قالايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قاپسەنغۇ، دەپ سوراپتۇ پادىچى.

كاللىپەزخانا

  • كاللىپەزخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆپكە-زاسۈي، كاللا-پاقالچاق پىشۇرۇپ ساتىدىغان ئۆي.

كاللىپەزلىك

  • كاللىپەزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆپكە-زاسۈي، كاللا-پاقالچاق پىشۇرۇپ سېتىش ئىشى، ئوقىتى.

كاللىگىر

  • كاللىگىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «پاشنا»غا قاراڭ.

كاللىماشاڭ

  • كاللىماشاڭ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىلىشىپ كەتكەن، قالايمىقان، باش-ئايىغىنىڭ تايىنى يوق:[مىسال:] كاللىماشاڭ قىلىۋەتمەك.

كالورىمېتىر

  • كالورىمېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئۆلچەپ بېكىتىش ھەمدە سېلىشتۇرما ئىسسىقلىق سىغىمى، يوشۇرۇن ئىسسىقلىق سىغىمى ۋە خىمىيىلىك رېئاكسىيە ئىسسىقلىق سىغىمىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنە.

كالورىيە

  • كالورىيە[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئىسسىقلىق ئۆلچەم بىرلىكى، يەنى بىر گرام سۇنىڭ تېمپېراتۇرىيسىنى 1℃ ئۆرلىتىش ئۈچۈن كېرەك بولىدىغان ئىسسىقلىق. ئادەتتە كىلوكالورىيە (كالورىيىنىڭ مىڭ ھەسسىسى) قوللىنىلىدۇ.

كالوگ

  • كالوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قىزىل يۈسۈنلەرنىڭ بىر خىلى. توپ بولۇپ ئۆسىدۇ. ئادەتتە يوپۇرماقسىمان ياپىلاق ھالەتتە بولۇپ، تۇتۇق سۆسۈن رەڭدە بولىدۇ. قۇرۇغاندىن كېيىن رەڭگى قارىيىدۇ، تېبابەتتە ئاسكارىدانى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

كالومېل

  • كالومېل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئانئورگانىك بىرىكمە. ئاق رەڭلىك پاراشوك. نورمال ئېلېكترون ياساشتا قوللىنىلىدۇ، دورىگەرلىكتە سۈرگە قىلىنىدۇ ۋە ئۈچەي دىۋارلىرىنى دېزىنفېكسىيىلەشتە ئىشلىتىلىدۇ.

كالون

  • كالون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ھەر خىل ماشىنىلارنىڭ ئۆز تۈرى بويىچە يېغىلغان گۇرۇپپىسى ۋە شۇنداق گۇرۇپپىلارنى باشقۇرىدىغان ئورگان:[مىسال:] ماشىنا كالونى. ئاپتوبۇس كالۇنى.

كالوننا

  • كالوننا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① ھەربىي قىسىمدىكى شتات بىرلىكى. مەملىكىتىمىزدە ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئارمىيە ئارىسىدا تەشكىللەنگەن. ئادەتتە جۈن بىلەن تەڭ.[يەشمىسى:] ② سەپ:[مىسال:] ئالدى بىلەن نەيزىلىك مىلتىقلىرىنى مەھكەم تۇتقان باشلامچى كالوننا، ئاندىن ئاپتوماتچىلار، پىلىموتچىلار، مىناميوتچىلار مەيداندىن ئۆتتى.

كالۇ

  • كالۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كويلا.

كالۋا

  • كالۋا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كاللىسى تازا ئىشلىمەيدىغان، زېھنى ئۆتكۈر بولمىغان، ئەقىلسىز، دۆت:[مىسال:] زېرەك بالا تېپىپ سۆزلەيدۇ، كالۋا بالا كۆپۈپ سۆزلەيدۇ (ماقال).

كالۋالاشتۇرماق

  • كالۋالاشتۇرماق[يەشمىسى:] «كالۋالاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھېسابات قانداق بولىدۇ دېدى تىلىنى كالۋالاشتۇرۇپ ناسىر.

كالۋالاشتۇرۇلماق

  • كالۋالاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «كالۋالاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كالۋالاشماق

  • كالۋالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دۆتلەشمەك، ئەقىلسىزلەشمەك، كالۋا بولماق:[مىسال:] ئۇ بارغانسېرى كالۋالىشىپ كېتىۋاتىدۇ.[يەشمىسى:] ② تىلى گەپكە كەلمەي قالماق، دۇدۇقلىماق:[مىسال:] كىم... كىمسەن دەپ توۋلاپتۇ باي تىلى كالۋالىشىپ.[يەشمىسى:] ③ ئالمىشىپ، تەمتىرەپ، راۋۇرۇس ماڭالماي قالماق (پۇت ھەققىدە):[مىسال:] نازىمنىڭ پۇتلىرى كالۋالىشىپ بىر قەدەممۇ ماڭالمىدى.

كالۋالىق

  • كالۋالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەقىلسىزلىق، دۆتلۈك:[مىسال:] كالۋالىق قىلماق. * غەرەز ئۇقمايدىغان كالۋالىقىڭىز قاچانمۇ تۈگەر دېدى ئۇ ئەلەم بىلەن.

كالۋۇتۇن

  • كالۋۇتۇن[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالتۇن ياكى كۈمۈش رەڭلىك يىپ، زەر يىپ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شۇ خىل يىپتا توقۇلغان ياكى تىكىلگەن:[مىسال:] كالۋۇتۇن دوپپا.

كالېندار

  • كالېندار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ① يىلنىڭ پەسىل، ئاي، مەۋسۇم، ھەپتە ۋە كۈنلىرىنى تەرتىپ بويىچە كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھەمدە باشقا مەلۇماتلارمۇ قوشۇمچە بېرىلىدىغان جەدۋەل ياكى كىتابچە؛ چېسلا:[مىسال:] ئۈستەل كالېندارى. ئاسما كالېندار.[يەشمىسى:] ② يىلنىڭ پەسىل، ئاي، مەۋسۇم، ھەپتە ۋە كۈنلىرىنى ھېسابلاش سىستېمىسى؛ يىلنامە:[مىسال:] مىلادىيە كالېندارى. ھىجرىيە كالېندارى.

كالېندارچىلىق

  • كالېندارچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كالېندار تۈزۈش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] دۆلىتىمىزدە كالېندارچىلىق خېلى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە.

كالېندارلىق

  • كالېندارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كالېندارى بار، كالېندار ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ چېسلالىق:[مىسال:] ئۇ بىلىكىدىكى كالېندارلىق سائىتىگە قارىدى، چېسلا «18» رەقىمىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.

كالىبىر

  • كالىبىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] مىلتىق، توپقاتارلىق ئېتىش قوراللىرى ئىستوۋۇلىنىڭ دىئامېتىرى:[مىسال:] كالىبىرى چوڭ زەمبىرەك.

كالىبىرلىق

  • كالىبىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم كالىبىرغا ئىگە بولغان:[مىسال:] چوڭ كالىبىرلىق مىلتىق.

كالىچىلىق

  • كالىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كالا بېقىش، كالا نەسىللەندۈرۈش ئىشى، پائالىيىتى:[مىسال:] كالىچىلىق فېرمىسى.

كالىفۇرنىي

  • كالىفۇرنىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] رادىئوئاكتىپلىق مېتال ئېلېمېنت، بەلگىسى (CaIiformium)Cf. زەررىلىرى ئارقىلىق ماسسىسى 242 بولغان كيۇرىينى بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.

كالىقۇلاق

  • كالىقۇلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كالا+قۇلاق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چوقا ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غوزا مېۋىسى پىشقاندا يېرىلىدۇ، رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر. پۈتۈن تېنى ۋە يوپۇرمىقى دورا بولىدۇ.[يەشمىسى:] قان توختىتىش، ياللۇغ ياندۇرۇش، جاراھەت زەھىرىنى كېسىش روللىرىغا ئىگە.

كالىكەندىر

  • كالىكەندىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كالا+كەندىر[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. چوكا مېۋىسى ئۇزۇن ھەم تار، ئۇرۇقى كۆپ. تالالىرى كەندىر ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. غولى ۋە يوپۇرماقلىرى ئات-كالىلارغا يېشىل بوغۇز قىلىنىدۇ.

كالىكومشار

  • كالىكومشار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]كالا+كومشار[[يەشمىسى:] ئىشنىڭ يولىنى بىلمەيدىغان، دۆت، ئىش قاملاشتۇرالمايدىغان:[مىسال:] ھوي كالىكومشار، ئۆزۈڭگە تۇشلۇق ئىش قىلساڭ بولمامدۇ

كالىكومشارلىق

  • كالىكومشارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دۆتلۈك، ئىش قاملاشتۇرالماسلىق، گالۋاڭلىق.

كالىنا

  • كالىنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۇچقات ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. گۈلى كىچىك، ئاق مېۋىسى كەڭ، تۇخۇمسىمان، توق قىزىل كېلىدۇ. قوۋزىقىدىن ئارغامچا ئېشىشكە بولىدۇ. مېۋىسى پىشىپ قىزارغاندا يېيىشكە، ئۇرۇقىدىن ياغ چىقىرىشقا بولىدۇ.

كالىۋا

  • كالىۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئورام، توپ (يىپ ھەققىدە):[مىسال:] بىر كالىۋا يىپ. * ئۇلار مەشۇتلارنى كىچىك غالتەكلەرگە يۆتكەپ، تەپىلىگە سېلىپ كالىۋا قىلىۋاتاتتى.

كالىي

  • كالىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. كۈمۈش رەڭلىك، مومغا ئوخشايدۇ، سوزۇلۇشچانلىققا ئىگە. خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى ئاكتىپ، ھاۋادا ئوڭاي ئوكسىدلىنىدۇ، سۇ بىلەن ئۇچراشسا ھىدروگېن ھاسىل بولىدۇ ھەم پارتلاش پەيدا قىلىدۇ. ئۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشى ۋە يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. كالىينىڭ بىرىكمىلىرى سانائەتتە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ.

كالىيلىق

  • كالىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە كالىي بولغان، كالىي ئارىلاشتۇرۇلغان:[مىسال:] كالىيلىق ئەينەك. كالىيلىق ئوغۇت.

كامار

  • كامار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئويۇلغان جاي، تۆشۈك:[مىسال:] توشقان يۈگۈرۈپ بېرىپ تاغدىكى بىر كامارغا كىرىپ كېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئۇۋا، ئىن:[مىسال:] چاشقاننىڭ كامېرى. قۇشقاچنىڭ كامېرى.

كامالⅠ

  • كامالⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① تولۇقلۇق، كەم-كۈتىسىزلىك، مۇكەممەللىك، كامالەت:[مىسال:] رەھمەت، ئۇكام، يېتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلىغىنىڭىز ئۈچۈن، خۇدايىم كامالىڭىزغا يەتكۈزەر.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

كامالⅡ

  • كامالⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] گىلەمنىڭ ئۆرۈشلىرىنى يۈرۈشتۈرىدىغان كالتەك.

كامالەت

  • كامالەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تولۇق يېتىشكەنلىك، مۇكەممەللىك؛ ئالىي دەرىجە:[مىسال:] كامالەت تاپماق. كامالەتكە يەتمەك.

كامالەتلىك

  • كامالەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كامالەتكە ئېرىشكەن، كامالەتكە يەتكەن:[مىسال:] ئەگەر كامالەتلىك كىشىلەردىن بولاي دېسەڭ، كامالەتنىڭ نۇرىنى كۆرسەتمىگەنلەردىن ئۆز سىرىڭنى يوشۇر.

كامالەك

  • كامالەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قاتتىق ياغاچنى ئىككى ئۇچىدىن يىپ تارتىپ ئېگىپ، يېرىم دائىرە شەكلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ياسالغان ھەمدە نەيزە، ئوق قاتارلىقلار ئېتىلىدىغان بىر خىل قەدىمىي قورال؛ ياي، كامان.

كامان

  • كامان[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوقيانىڭ ئوقتىن باشقا قىسمى، يايى؛ كامالەك:[مىسال:] ئىككى ئاتنىڭ ئارىسى يېقىنلاشقاندا، جامالىدىن تېزلىكتە كامانىنى توغرىلاپ ئوق ئاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كامالەككە ئوخشاش، ئېگىلگەن، قايرىلما (قاش-قامەت ھەققىدە):[مىسال:] كامان قاشلىرىنى قېقىپ بارادۇر، يۈرەككە ئوتلار يېقىپ بارادۇر.

كامانچە

  • كامانچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك كامان، كاماننىڭ كىچىكى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] غېجەك، ئىسكىرىپكا قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرىنى چېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ۋە بىر ئۇچىدىن ئىككىنچى بىر ئۇچىغا قىل تۇتامى تارتىلغان تاياقچە:[مىسال:] سەيدۇللام كامانچىنى ئىسكىرىپكا تارلىرى ئۈستىگە قويۇشى بىلەن ئېچىنىشلىق بىر سادا كۆتۈرۈلدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىگىچىلىك، قاداقچىلىق قاتارلىق كەسىپلەردە پەرمىنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، مۇزىكا كامانچىسىغا ئوخشايدىغان ئەسۋاب:[مىسال:] دەرۋەقە، دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ قىرغۇ بىلەن كامانچىغا تايىنىپ چىراغ يېغى ۋە چاي-تۇزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ تۇردى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كامانغا ئوخشاش، ئېگىلگەن، قايرىلما:[مىسال:] كامانچە قاش.

كامانچىلىق

  • كامانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كامانچىسى بار، كامانچە بىلەن چېلىنىدىغان:[مىسال:] ئەرخۇ خەنزۇلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان كامانچىلىق چالغۇ.

كاماندار

  • كاماندار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئوقيا ئاتقۇچى.

كاماندارلىق

  • كاماندارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئوقيا ئېتىش ئىشى:[مىسال:] ئۇ شەمشەرۋازلىق، كاماندارلىققا ماھىر بولۇپ، شەمشەرۋازلىقنى ياخشى كۆرەتتى.

كاماندروپكا

  • كاماندروپكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىدىن باشقا بىر جايغا بېرىپ بېجىرىدىغان ئىش:[مىسال:] نىجاتنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىزلا كاماندىروپكىغا چىقىشى ئۇنى ھەيران قالدۇردى.

كامبالا

  • كامبالا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] كېپىنەكسىمان بېلىق، كوسوروت ۋە يېنى يېسسى بېلىقلارنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇلار دېڭىز ئاستىدا ياشايدۇ.

كامپاش

  • كامپاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قومۇش پۆپۈكى.

كامفارا

  • كامفارا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە>ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى. C01 H06 O رەڭسىز، سۈزۈك ھەم قاتتىق جىسىم. تەمى قىرتاق، خۇشبۇي پۇرايدۇ، ئاسان ئۇچىدۇ. ئادەتتە كامفورا دەرىخىنىڭ شاخ، يوپۇرماقلىرىدىن ئېلىنىدۇ.

كامفان

  • كامفان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، يەنى كاداننىڭ ئاللوتروپىك شەكىل ئۆزگىرىشى بولۇپ، ئاق رەڭلىك كرىستال. نافتالىن پۇرىقىغا ئىگە، ئاسان ئۇچىدۇ، خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى ئاكتىپ ئەمەس.

كامفورا

  • كامفورا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە>ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كامفورا ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپى خۇشبۇي پۇراقلىق بولۇپ، زىيانداش ھاشاراتلاردىن قوغدىنالايدۇ. ياغىچى پۇختا بولۇپ، ئۆي جاھازلىرى ۋە ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ياساشقا مۇۋاپىق. شاخ يوپۇرماقلىرىدىن كامفورا ئاجرىتىپ ئېلىشقا بولىدۇ.

كامېر

  • كامېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① ۋېلىسىپىت، ئاپتوموبىل قاتارلىقلارنىڭ چاقى ياكى توپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يەل قاچىلاش ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان رېزىنكە خالتا:[مىسال:] كامېر يامىماق. كامېرغا يەل بەرمەك.[يەشمىسى:] ② لاگېر ياكى تۈرمىلەردىكى جىنايەتچىلەرنى سولايدىغان ئۆي، قاماقخانا:[مىسال:] يېرىم سائەتتىن كېيىن، خوجىنىياز ئۆزىنى يالغۇز كىشىلىك قاراڭغۇ كامېردا كۆردى.

كامېرتون

  • كامېرتون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] پولات ماتېرىيالىدىن ياسالغان ئاۋاز چىقىرىدىغان ئەسۋاب. شەكلى ئارىغا ئوخشايدۇ. كىچىك ياغاچ بولقا بىلەن ئۇرغاندا ئاۋاز چىقىرىدۇ.

كامىل

  • كامىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كامالەتكە يەتكەن، مۇكەممەل، تولۇق، تەلتۆكۈس:[مىسال:] بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىل، دېدى شانىياز خۇشاللىق بىلەن. ∥ ئوقۇتقۇچىلار ئىشقا بۇيرۇسا بارلىق ئىشتىياقىم بىلەن كامىل ئورۇنلايتتىم.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئسمى.

كامىلا

  • كامىلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گىلەمچىلىكتە شانا كالتەكلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن توغرا ياغاچقا مىندۈرۈلگەن سايمان.

كان

  • كان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① پايدىلىق قېزىلمىلارنى ئېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان يەر ئاستى ئىنشائاتلىرى:[مىسال:] كۆمۈر كانى. ئالتۇن كانى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] پايدىلىق قېزىلمىلار توپلانغان جاي:[مىسال:] كان ياتمىسى. كان گەۋدىسى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە ناھايىتى باي ياكى شۇ نەرسىنىڭ ماكانى بولغان جاي، يەر:[مىسال:] تۇرپان، پىچان ناھىيىلىرى كىشمىش ئۈزۈمنىڭ كانى.

كانا

  • كانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ بىر تۈركۈمى. بەزىلىرى ئادەم ۋە ھايۋانلار تېنىدە ياشاپ، قان شوراش بىلەن كېسەل تارقىتىدۇ. قوتۇر قۇرتلىرى ئەنە شۇ خىل كانىلاردۇر.

كاناپ

  • كاناپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كەندىر.[يەشمىسى:] ② كەندىر پوستىدىن ئېشىلگەن يىپ ۋە شۇ يىپتىن توقۇلغان رەخت.

كانارⅠ

  • كانارⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قىرغاق، چەت، گىرۋەك:[مىسال:] ئانىسىغا قاراپ قىز ئال، كانارىغا قاراپ بۆز ئال (ماقال). * پۈتۈن ئۆي، باغدىكى كۆلنىڭ كانارى، يېيىلدى قىپقىزىل زىلچە ئانارى.

كانارⅡ

  • كانارⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] گىلەمنىڭ چۆرىسىدىكى پاراللېل سىزىقلارنىڭ ئارىسى.

كانارا

  • كانارا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] گۆش ئاسىدىغان ۋە گۆش ئېسىپ پارچىلايدىغان ئىلمەكلىك جاھاز:[مىسال:] شەرمەندە بولغان توختى قاسساپ كانارا ئالدىدىن تېزلا غايىب بولدى.

كانال

  • كانال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① قانال.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىق ئورگانىزم تېنىدىكى سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ھەرقايسى قىسىملارغا توشۇيدىغان نەيچىسىمان توقۇلما. ئادەتتە ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن بولغان ھۈجەيرىلەردىن تەركىب تاپىدۇ:[مىسال:] كاناللار باغلىمى.

كاناي

  • كاناي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] بىر خىل دۇخوۋوي چالغۇ. مىستىن ئۇزۇن ۋە ئاغزى كەڭ قىلىپ ياسىلىدۇ. تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، بەزىلىرى دۇخوۋوي ئوركېستىرلاردا، يەنە بەزىلىرى ھەربىي قىسىملاردا سىگنال بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② كېسىك كونۇس شەكلىدىكى ئاۋاز چوڭايتىش ئەسۋابى. بەزىلىرى ئاددىي بولۇپ، ئىنچىكە تەرىپىنى بىۋاسىتە ئېغىزغا تۇتۇپ سۆزلەشكە بولىدۇ. يەنە بەزىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولۇپ، سىملىق رادىئو ئۈسكۈنىلىرىگە ئۇلىنىدۇ:[مىسال:] تۆت كانايلىق ئۈنئالغۇ.[يەشمىسى:] ③ مەش، ئوچاق، ساماۋار ۋە پار قازىنى قاتارلىقلارغا ئورنىتىلىدىغان، قاڭالتىردىن ياسىلىدىغان ۋە ئىس، پار قاتارلىقلارنى چىقىرىۋېتىش، بىر جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا ئۆتكۈزۈش رولىنى ئوينايدىغان تۇرۇبا شەكىللىك بۇيۇم؛ تۆمۈر تۇرخۇن:[مىسال:] مەشنىڭ كانىيى. ساماۋارنىڭ كانىيى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] نەپەسلىنىش ئورگىنىنىڭ بىر قىسمى. شەكلى تۇرۇبىغا ئوخشايدۇ. يېرىم ھالقا شەكىللىك كۆمۈرچەكتىن تۈزۈلىدۇ ئېلاستىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە يۇقىرىقى ئۇچى بوغۇز بىلەن تۇتۇشىدۇ. تۆۋەنكى ئۇچى ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئوڭ ۋە سول قانات ئۆپكىگە كىرىدۇ:[مىسال:] كانىيىمغا بىرنەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بولدى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گال؛ كېكىردەك:[مىسال:] كانىيىدىن ئالماق.

كانىيىغا تىقماق

  • كانىيىغا تىقماق[يەشمىسى:] ① يېگۈزمەك.[يەشمىسى:] ② پارا بەرمەك، ئارقا ئىشىك قىلماق:[مىسال:] سېنى ئورۇنلاشتۇرىمىز دەپ ۋاۋۇت باشلىقىنىڭ كانىيىغا ئاز تىقمىدۇق، دېدى زەينەپخان قىزىغا كايىپ.

كانىيىغا ئۇرماق

  • كانىيىغا ئۇرماق[يەشمىسى:] «كانىيىغا تىقماق»قا قاراڭ.

كانىيىغا ئېسىلماق

  • كانىيىغا ئېسىلماق[يەشمىسى:] جاۋابكارلىققا تارتماق:[مىسال:] ئۇ تاماكىسىنى قاتتىق بىر شورىۋالدى-دە، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:[مىسال:] ئۇكام، ھازىر غىلاجىدىن ئىقتسادىي ئىشلارنى ئېنىقلاش باھانىسى بىلەن كانىيىمىزغا ئېسىلدى.

كانىيىنى مايلىماق

  • كانىيىنى مايلىماق[يەشمىسى:] باشقىلارغا پارا بەرمەك:[مىسال:] ھەممىسىلا شۇنىڭكىنى راست قىلدى. ئۇ باشقىلارنىڭ كانىيىنى مايلاپتۇدەك.

كانىيىنى ياغلىماق

  • كانىيىنى ياغلىماق[يەشمىسى:] «كانىيىنى مايلىماق»قا قاراڭ.

كانىيى يوغىناپ كەتمەك

  • كانىيى يوغىناپ كەتمەك[يەشمىسى:] پارە ئېلىشتا ئاز نەرسىگە قانائەت قىلمايدىغان، خېلى چوڭ نەرسە بولسىمۇ ياق دېمەيدىغان بولۇپ كەتمەك.

كانىيى يىرتىلغۇچە

  • كانىيى يىرتىلغۇچە[يەشمىسى:] ناھايىتى قاتتىق، جېنىنىڭ بارىچە:[مىسال:] كانىيى يىرتىلغۇچە ۋارقىرىماق.

كانايچە

  • كانايچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك كاناي:[مىسال:] قاسىم گېزىت قەغىزىنى يىرتىۋېلىپ كانايچە قىلىپ ياسىدى.

كانايچى

  • كانايچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كاناي چالىدىغان ئادەم، سىگنالچى:[مىسال:] كانايچى جىددىي يىغىلىشقا كاناي چالدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەشۋىقاتچى، جارچى:[مىسال:] ئۇ بۇزژۇئازىيە تەرىپىدىن تارتىپ كېتىلگەن بىر كانايچى ئىكەن.

كاناي-سۇناي

  • كاناي-سۇناي[يەشمىسى:] كاناي ۋە سۇناي، شۇ خىلدىكى مۇزىكىلار.

كانايگۈل

  • كانايگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كاناي+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «ھەشقىپىچەك»كە قاراڭ.

كانايلىق

  • كانايلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كانىيى بار، كاناي ئورنىتىلغان:[مىسال:] ياتاقتا قوش كانايلىق ئۈنئالغۇمۇ بار ئىدى.

كانت

  • كانت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] 1724-يىلدىن 1804-يىلغىچە ياشىغان ئەڭ ئاتاقلىق نېمىس ئىدېئالىستىك پەيلاسوپى، يەنى ⅩⅧ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى گېرمانىيە ئىدېئالىزمىنىڭ كەشپىياتچىسى.

كانتۇ

  • كانتۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئوغرى.

كانتىزم

  • كانتىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] نېمىس پەيلاسوپى كانت ۋە ئۇنىڭ ئىزداشلىرى تەرىپىدىن يارىتىلىدىغان ئىدېئالىستىك پەلسەپىۋى ئېقىم. ئۇنىڭ تۈپ بەلگىسى:[مىسال:] ماتېرىيالىزم بىلەن ئىدېئالىزمنى كېلىشتۈرۈش، ئىككىسىنى مۇرەسسە قىلىش، بىر-بىرىگە قارىمۇقارشى بولغان تۈرلۈك پەلسەپىۋى مەزھەپلەرنى بىر سىستېمىغا بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

كانجا

  • كانجا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈزگى بۇغداينى كەچ كۈزدە سۇغىرىش ئىشى:[مىسال:] ئابلا بۇغداي كانجىلاۋاتقان ياشلارنى كەنتكە باشلاپ كەلدى.

كانجىلاتماق

  • كانجىلاتماق[يەشمىسى:] «كانجىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلارنى بۇيرۇپ، بۇغداينى كانجىلىتىپ قويغىن.

كانجىلاشماق

  • كانجىلاشماق[يەشمىسى:] «كانجىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كانجىلانماق

  • كانجىلانماق[يەشمىسى:] «كانجىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھازىر ۋىلايەت بويىچە 900 مىڭ مو يەردىكى كۈزگى بۇغداي بىر قېتىم كانجىلىنىپ بولدى.

كانجىلىم?※CX] پېئىل.

  • كانجىلىم?※CX] پېئىل.[يەشمىسى:] تۇپراقنىڭ نەملىكىنى ساقلاش ۋە ئەتىيازدا بولىدىغان قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دەسلەپكى مەزگىلىدە ئېتىزلارغا سۇ باشلاپ توڭ ياتقۇزماق:[مىسال:] كۈزگىنى كانجىلىماق.

كانچى

  • كانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كان ئىشچىسى.

كانچىلىق

  • كانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كان ئېچىش كەسپى.

كاندۇك

  • كاندۇك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پارچە، بۆلەك-بۆلەك:[مىسال:] كاندۇك ئېتىز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك ئېتىز:[مىسال:] كامىلجان يەنە ھېلىقى كاندۇكنىڭ بۇرجىكىنى چاناۋاتاتتى.

كاندۇكلاتماق

  • كاندۇكلاتماق[يەشمىسى:] «كاندۇكلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كاندۇكلاشتۇرماق

  • كاندۇكلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «كاندۇكلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كاندۇكلاشتۇرۇلماق

  • كاندۇكلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «كاندۇكلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كاندۇكلاشماق

  • كاندۇكلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كىچىك كاندۇك ئېتىز ھالىتىگە كەلمەك.

كاندۇكلىماق

  • كاندۇكلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يەرنى كىچىك-كىچىك چاسا ئېتىزلارغا ئايرىماق.

كاندېلا

  • كاندېلا[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] يورۇقلۇق چىقىرىش كۈچىنىڭ بىرلىكى. پۈتۈنلەي رادىئاتسىيىلەنگەن جىسىمنىڭ ئاق ئالتۇننىڭ قېتىش تېمپېراتۇرىسى ئاستىدا، ھەر [SX(]1[]06[SX)]سانتىمېتىر كۋادرات مەيداندىكى يورۇقلۇق چىقىرىش كۈچىنى كۆرسىتىدۇ.

كاندىدات

  • كاندىدات[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەيىنلىنىش، سايلىنىش ياكى بىرەر تەشكىلاتقا قوبۇل قىلىنىش قاتارلىقلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن:[مىسال:] كاندىدات پارتىيە ئەزاسى.كاندىدات تەتقىقاتچى. ∥ كاندىداتلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىدىن بەلگىلىنىپ قويۇلغانىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر پەن بويىچە دىسسېرتاتسىيە ياقلاش ئاساسىدا بېرىلىدىغان ئىلمىي ئۇنۋان ۋە شۇ ئىلمىي ئۇنۋاننى ئالغان كىشى:[مىسال:] تېخنىكا پەنلىرى كاندىداتى. پەلسەپە پەنلىرى كاندىداتى.

كاندىداتلىق

  • كاندىداتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كاندىداتتىن ئىبارەت ئىلمىي دەرىجە ۋە شۇنداق دەرىجىگە ئىگىلىك:[مىسال:] كاندىداتلىق دەرىجىسى. كاندىداتلىق دىسسېرتاتسىيىسى.[يەشمىسى:] ② ئەزالىققا قوبۇل قىلىنىش ئۈچۈن سىناق مۇددىتىنى ئۆتەيدىغان باسقۇچ:[مىسال:] كاندىداتلىققا قوبۇل قىلماق. كاندىداتلىق ئىستاژى.

كانشۇناس

  • كانشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كان ياتمىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، پەيدا بولۇشى، تارقىلىشى ۋە سانائەتتىكى قىممىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىم، مۇتەخەسسىس.

كانشۇناسلىق

  • كانشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] گېئولوگىيىنىڭ بىر تارمىقى. كان ياتمىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، پەيدا بولۇشى، تارىلىشى ۋە سانائەتتىكى قىممىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ.

كانكى

  • كانكى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ئاياغنىڭ تېگىگە ئورنىتىلىدىغان، پولاتتىن ياسالغان پىچاق شەكىللىك ئەسۋاب. مۇز توپ كانكىسى، يۈگۈرۈش كانكىسى ۋە فىگۇرا كانكىسىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ.

كانتىگۈل

  • كانتىگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قوناقگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزسىمان غولى تەركىبىدە كراخمال كۆپ بولىدۇ. غول ۋە يوپۇرماق تالالىرىدىن قەغەز ئىشلىگىلى بولىدۇ.

كانۋا

  • كانۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كۆڭلەكلەرنىڭ ياقىسىغا، يەڭنىڭ ئۇچى قاتارلىق جايلارغا تۇتىدىغان كەشتە.

كانىماش

  • كانىماش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كانا+ماش[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «باقىلە»گە قاراڭ.

كانىنون

  • كانىنون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئىستۋولى ئۇزۇن، ئوق يولى تۆۋەن، دەسلەپكى سۈرئىتى تېز بولغان بىر خىل زەمبىرەك. كۆپ چاغلاردا بىۋاسىتە قارىغا ئېلىپ ئېتىش ۋە يىراق ئارىلىقتىكى نىشانلارنى ئېتىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

كانيەك

  • كانيەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ئۇزۇن ساقلاشقا باب قىلىپ ئىشلەنگەن كۈچلۈك ئۈزۈم ھارىقى:[مىسال:] ئۇ ئازراق كانيەك ئىچمەكچى بولۇپ، ماگىزىنغا كىردى.

كاھⅠ

  • كاھⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] ۋاڭنىڭ ئارقىسىدا يۈرۈپ، ۋاڭنى قوغدايدىغان ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان خادىم:[مىسال:] ناخشىنىڭ ۋاڭغا يېقىپ قالغانلىقىنى چۈشەنگەن كاھلار، دورغىلار تەڭلا «خوش» دېيىشتى.

كاھⅡ

  • كاھⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئىتنى چاقىرىش ئىماسى.

كاھⅢ

  • كاھⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاتنى ئارقىغا چېكىندۈرۈش ئىماسى.

كاھىش

  • كاھىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] تام ۋە ئۆگزىگە ياتقۇزۇلىدىغان قۇرۇلۇش ماتېرىيالى. ئەسلىدە سېغىز لايدىن ياسىلىپ، يۈزىگە ساپال سىرى سۈركەپ خۇمداندا كۆيدۈرۈش ئارقىلىق تەييارلىناتتى. ھازىر سېمونت قاتارلىق باشقا ماتېرىياللاردىن ھەر خىل شەكىلدە كۆيدۈرمەيمۇ ياسىلىدىغان بولدى.

كاھىشچى

  • كاھىشچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كاھىش ياسايدىغان كىشى.

كاھىشلىق

  • كاھىشلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كاھىشى بار، كاھىش ئورنىتىلغان:[مىسال:] مەن ئۈستى كاھىشلىق دەرۋازىدىن چىقىۋېتىپ كەينىمگە قايرىلدىم.

كاھىن

  • كاھىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① دىن ئەھلى؛ روھانىي:[مىسال:] ئۆينىڭ تېمى ئالدىغا ھەر خىل قىياپەتتىكى بۇددا كاھىنلىرىنىڭ ھەيكەللىرى قاتار قويۇلغانىدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ۋەقە-ھادىسىدىن ئالدىن خەۋەر بەرگۈچى، رەمچى، پالچى.

كاھىنلىق

  • كاھىنلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] روھانىيلىق، رەمچىلىك:[مىسال:] بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىزدا جىنكەش، پېرىخۇن ۋە رەمماللىقنىڭ ھەممىسى كاھىنلىق دېيىلىدۇ.

كاۋا

  • كاۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، پېلەك تاشلاپ ئۆسىدىغان، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋىسىنىڭ شەكلىمۇ ھەر خىل بولىدۇ. ئادەتتە ھەممىسى ئىستېمال قىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

كاۋاپ

  • كاۋاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇلغان گۆش:[مىسال:] تونۇر كاۋىپى. تاۋا كاۋىپى. كاۋاپ يېمەك. تاۋا كاۋاپ قىلماق.

كاۋاپمۇ كۆيمىسۇن، زىخمۇ كۆيمىسۇن

  • كاۋاپمۇ كۆيمىسۇن، زىخمۇ كۆيمىسۇن[يەشمىسى:] ھەر ئىككى تەرەپنىڭ زىيان تارتماسلىقىنى، ئىشنىڭ ئادىل بولۇشىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بىرىكمىسى.

كاۋاپچى

  • كاۋاپچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كاۋاپ پىشۇرۇپ ساتىدىغان ئادەم.

كاۋاپچىلىق

  • كاۋاپچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كاۋاپ پىشۇرۇپ سېتىش ئىشى، كەسپى.

كاۋاپخانا

  • كاۋاپخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] كاۋاپ پىشۇرۇپ ساتىدىغان ئۆي، دۇكان، جاي:[مىسال:] ئۇ بىر كاۋاپخانىغا كىردى.

كاۋاپدان

  • كاۋاپدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] كاۋاپ پىشۇرۇش ئۈچۈن قەلەيدىن تۆت پۇتلۇق قىلىپ ئوقۇر شەكلىدە ياسالغان سايمان:[مىسال:] بىز گۆش، دورا-دەرمان، كاۋاپدان، زىخ قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى تەييارلاپ قويغانىدۇق.

كاۋاش

  • كاۋاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاشتېشىنىڭ بىر خىلى. ئادەتتە ئاق كاۋاش، كۆك كاۋاش، سېرىق كاۋاش، قارا كاۋاش ۋە سۈزۈك كاۋاش دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.

كاۋا-قاپاق

  • كاۋا-قاپاق[يەشمىسى:] كاۋا ۋە قاپاق ھەم شۇ خىلدىكى كۆكتات ۋە ئۆسۈملۈكلەر.

كاۋاك

  • كاۋاك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① چىقىرىش، ئۇپراش تۈپەيلىدىن نەرسىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھاسىل بولغان بوشلۇق، تۆشۈك:[مىسال:] سىيىت ھاجى كۆرسىتىپ بەرگەن كاۋاكقا ئۆمىلەپ كىرىۋالغان ئابلىز قارىي گۆھەر تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ كەتتى. ∥ كاۋاك ھالەت.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئۆپكە كېسىلى بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆپكە قىسمىدا پەيدا بولغان تۆشۈك.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەمنىڭ بەزى ئەزا ياكى توقۇلمىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئويمانلاشقان تۇيۇق كامار جاي. مەسىلەن، بۇرۇن كاۋىكى، بۇرۇن يان كاۋىكى ۋە باشقىلار.

كاۋاكلاشماق

  • كاۋاكلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كاۋاك ھالەتكە كەلمەك، كاۋاك ھاسىل بولماق:[مىسال:] قېرى سۆگەتنىڭ غولى پۈتۈنلەي كاۋاكلىشىپ كەتكەنىدى.

كاۋاكلىق

  • كاۋاكلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كاۋاك ھالەت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بوش تاغ جىنسلىرى ۋە توپا دانىچىلىرى ئارىسىدىكى كاۋاكلار ئومۇمىي ھەجمىنىڭ تاغ جىنس ياكى توپىنىڭ بارلىق ھەجمىگە بولغان نىسبىتى.

كاۋاۋىچىن

  • كاۋاۋىچىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] سۇزاپ ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. ئادەتتە تەم تەڭشەيدىغان پۇراقلىق ماتېرىيال ۋە دورا قىلىنىدۇ، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان كېسىلىنى داۋالاش ئۈنۈمى بار.

كاۋچوك

  • كاۋچوك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] كاۋچوك دەرىخى، كۆكسېغىز قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەردىن ئېلىنغان سۈتنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ياسالغان ئېلاستىكلىق ۋە ئىزولياتورلۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە، سۇ ھەم ھاۋا ئۆتكۈزمەيدىغان ماتېرىيال.

كائىنات

  • كائىنات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يەر شارى ۋە باشقا بارلىق ئاسمان جىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەكسىز بوشلۇق؛ ئالەم:[مىسال:] تاڭ سەھەر، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن شەپەق نۇرى كائىناتنى قىزىللىققا پۈركىگەنىدى.

كاياك

  • كاياك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى قىلىشنى ئاسانلىقچە خالىمايدىغان، تەس كۆرىدىغان، ياقتۇرمايدىغان:[مىسال:] مەن دوختۇرغا بېرىشقا كاياك بىر ئادەم.

كايىتماق

  • كايىتماق[يەشمىسى:] «كايىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن سىزنى كايىتىپ قويدۇم، خاپا بولماڭ.

كايىشماق

  • كايىشماق[يەشمىسى:] «كايىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كۆپ كايىشىپلا، رەھمەت، دېدى كامالئاخۇن.

كايىماق

  • كايىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① خاپا بولماق، ئاچچىقلانماق:[مىسال:] سېلىم كەلگەندە دوختۇرلاردىن بىرى ھېلىقى ئايالغا قاتتىق كايىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② ئاۋارە بولماق، مۇشەققەت تارتماق:[مىسال:] بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايىما، بىلمىگەننى بىلىمەن دەپ كايىما (ماقال).

كەبە

  • كەبە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىدىكى زىيارەت قىلىدىغان، ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس جايى.

كەبى

  • كەبى[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] ئىسىم ياكى ئىسىم خاراكتېرىدىكى سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ كېلىپ «-دەك، -تەك»، «... غا ئوخشاش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئوت كەبى قىزىق. * بۇ دۇتارنىڭ پەدىسى يوق ھەم ئۈزۈكتۇر تارىسى، قاي كىشىنىڭ بۇ كەبى كۆڭۈل ئاچار دىلدارى بار

كەبىسە

  • كەبىسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] بىر تروپىك يىلىنىڭ ۋاقتى ئادەتتە 365 كۈن بەش سائەت 48 مىنۇت 46 سېكۇنت بولىدۇ. قۇياش كالېندارىدا بۇ بىر يىل 365كۈن قىلىپ بەلگىلىنىپ، ئاشقان ۋاقتى تەخمىنەن ھەر تۆت يىلدا بىر كۈنگە يىغىنچاقلىنىپ، ئىككىنچى ئايغا قوشۇۋېتىلىدۇ. دېھقانلار كالېندارىدا بولسا، بۇ بىر يىل 354 ياكى 355 كۈن قىلىپ بەلگىلىنىپ، ئاشقان ۋاقتى تەخمىنەن ھەر ئۈچ يىلدا بىر ئايغا يىغىنچاقلىنىپ، بىر يىلغا قوشۇۋېتىلىدۇ. مانا بۇ خىل ئۇسۇل كالېندارچىلىقتا كەبىسە دەپ ئاتىلىدۇ. «كەبىسە» ئەرەبچە «ئارتۇق» ياكى «زاپاس» دېگەنلىك بولىدۇ.

كەپⅠ

  • كەپⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① كېسەك قۇيىدىغان قېلىپ.[يەشمىسى:] ② نان ياققاندا بىلەككە كىيدۈرۈلىدىغان يەڭلىك.

كەپⅡ

  • كەپⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تور توقۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ياغاچ ئەسۋاب.

كەپەⅠ

  • كەپەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ۋاقىتلىق ئولتۇرۇپ تۇرۇش ئۈچۈن شاخ-شۇمبا، ئوت-چۆپلەر بىلەن يېپىلغان ئاددىي ئۆي؛ چەللە:[مىسال:] مەن ھارۋىنى تۇردى ئاكامنىڭ كەپىسى ئالدىدا توختىتىپ قويۇپ، ئاكامنى چاقىرسام، ئۇ كەپىسىدە يوق ئىكەن.

كەپەⅡ

  • كەپەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كەپە ئائىلىسىدىكى يەردە يېتىپ پېلەكسىمان ئۆسىدىغان يېرىم چاتقال. ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ. تېبابەتتە يەلنى، سوغۇقنى، ھۆللۈكنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە.

كەپتاۋۇل

  • كەپتاۋۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] بۇرۇنقى كونا ھەربىي ئەمەل نامى.

كەپتەر

  • كەپتەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل قۇش. قانىتى چوڭ، ئۇچۇشقا ماھىر، تۈرلىرى كۆپ. ئۆسۈملۈك دانلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. كۆپىنچە ئۆيدە بېقىلىدۇ، بەزىدە خەت-ئالاقە توشۇش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە تىنچلىققا سىمۋول قىلىنىدۇ.

كەپتەرخانا

  • كەپتەرخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كەپتەر باقىدىغان ئۆي:[مىسال:] ئۇ ئاچلىققا چىدىماي، ئاخىرى بىرىنىڭ كەپتەرخانىسىغا ئوغرىلىققا چۈشۈپتۇ.

كەپتەرۋاز

  • كەپتەرۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كەپتەر باقىدىغان كىشى، كەپتەر باققۇچى؛ كەپتەرگە ھەۋەسمەن كىشى:[مىسال:] ئەكرەم بىر قېرى كەپتەرۋاز بىلەن ئىككى دانە كەپتەرنىڭ سودىسىنى قىلىشىۋاتاتتى.

كەپتەرۋازلىق

  • كەپتەرۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەپتەر بېقىش، ئويناش بىلەن مەشغۇل بولۇش ئىشى، پائالىيىتى:[مىسال:] كەپتەرۋازلىق ئۇنى باشقا ئىشلارغا زادىلا قارىغۇسى كەلمەيدىغان قىلىپ قويغانىدى.

كەپتۈك

  • كەپتۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ئات توپى تەنھەرىكىتىدە ئىشلىتىلىدىغان توپ:[مىسال:] ئۇ كەپتۈك ئۇرۇش نۆۋىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇنى توپتوغرا ھارۇن رەشىدنىڭ يۈزىگە تەگكۈزۈشنى نىشانلاپ قاتتىق ئۇرۇپتۇ.

كەپسەن

  • كەپسەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خامان تەييار بولغاندا ئالدى بىلەن كەمبەغەللەرگە بېرىش ئۈچۈن ئايرىپ قويۇلىدىغان، ئۆشرە-زاكاتنىڭ سىرتىدىكى دانلىق ئاشلىق:[مىسال:] ئابدالغا كەپسەن بەرسە، جىڭىڭ توغرىمۇ دەپتۇ (ماقال).

كەپسەنچى

  • كەپسەنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەپسەن بېرىشنى تەلەپ قىلغۇچى كىشى:[مىسال:] زىرائەتلىرىمىز كوركىراپ قالدى، كېلەر يىلى كەپسەنچى بولىدىغان بولدۇق-دە دېيىشەتتى دېھقانلار.

كەپسەنچىلىك

  • كەپسەنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەپسەن ئېلىش، كەپسەن تەلەپ قىلىش ئىشى.

كەپسىز

  • كەپسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گەپكە كىرمەي، ئۆزى خالىغان قىلىقلارنى قىلىپ يۈرىدىغان؛ باشباشتاق، گەپ ئاڭلىمايدىغان، قىلىقسىز (بالىلارغا قارىتا ئېيتىلىدۇ):[مىسال:] ئۇ ناھايىتى كەپسىز بالا، سىزنىڭ چوڭ قىلمىقىڭىز تەس بولارمىكىن.

كەپسىزلەشمەك

  • كەپسىزلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كەپسىز، گەپ ئاڭلىمايدىغان بولۇپ كەتمەك؛ كەپسىز ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئۇ توغرا ھايات يولىدىن يىراقلاپ، كەپسىزلىشىپ، قىنىدىن چىقىپ كەتتى.

كەپسىزلىك

  • كەپسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گەپكە كىرمەسلىك، باشباشتاقلىق:[مىسال:] قارا، سېنىڭ كەپسىزلىكىڭنى دېدى ئۇ جىددىي تەلەپپۇزدا.

كەپشەر

  • كەپشەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مېتال بۇيۇملارنى بىر-بىرىگە ئۇلاش، پاياتلاش ئىشى، خىزمىتى:[مىسال:] گاز كەپشەر. كەپشەر دورىسى. كەپشەر چوكىسى.

كەپشەرچى

  • كەپشەرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] مېتال بۇيۇملارنى كەپشەرلەش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچى.

كەپشەرچىلىك

  • كەپشەرچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] مېتال بۇيۇملارنى كەپشەرلەش ئىشى، خىزمىتى.

كەپشەرلەتمەك

  • كەپشەرلەتمەك[يەشمىسى:] «كەپشەرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىز زاپچاس كەپشەرلەتكىلى كېلىۋىدۇق، دېدى ئۇزۇن، قايرىما بۇرۇتلۇق ئادەم.

كەپشەرلەشمەك

  • كەپشەرلەشمەك[يەشمىسى:] «كەپشەرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كەپشەرلەنمەك

  • كەپشەرلەنمەك[يەشمىسى:] «كەپشەرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ نەرسە ئاغزى كەپشەرلەنگەن تۇچ كۈپ بولۇپ، ئىچى نېمىلەر بىلەندۇر تولغانىكەن.

كەپشەرلىك

  • كەپشەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەپشەر قىلىنغان، كەپشەرلەنگەن:[مىسال:] تۆمۈر كەپشەرلىك چوڭ دەرۋازا.

كەپشەرلىگۈچ

  • كەپشەرلىگۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] گاز بىلەن كەپشەرلەشتە ئىشلىتىلىدىغان كلاپانلىق ئەسۋاب. شەكلى تاپانچىغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئالدى تەرىپىدە پۈركۈگۈچىسى بولىدۇ.

كەپشەرلىمەك

  • كەپشەرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىككى بۆلەك دېتال ياكى ئۈزۈلگەن، ئاجرالغان، سۇنغان مېتال بۇيۇملارنى ئوت، گاز ياكى ئېلېكتر كۈچى ئارقىلىق بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرماق، ئۇلىماق، تولدۇرماق:[مىسال:] سادىر قانداقتۇر بىرنەرسىنى جىددىي كەپشەرلەۋاتاتتى.

كەپكە

  • كەپكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] شەپكىنىڭ بىر خىلى. ئارقىسى ئېگىز، ئالدى پەس، گەردىشسىز كېلىدۇ.

كەپكۈر

  • كەپكۈر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پولۇ قاتارلىقلارنى ئۆرۈش ۋە ئۇسۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، چۆمۈچ قىسمى تۆشۈك-تۆشۈك، سېپى بار ئۆي سايمىنى.

كەپكىچان

  • كەپكىچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بېشىدا كەپكىسى بار، بېشىغا كەپكە كىيىۋالغان، كەپكىلىك:[مىسال:] كەپكىچان ئادەم.

كەپكىسىز

  • كەپكىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەپكە كىيمىگەن، بېشىدا كەپكىسى يوق.

كەپكىلىك

  • كەپكىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەپكە كىيىۋالغان، بېشىدا كەپكىسى بار.

كەپلەتمەك

  • كەپلەتمەك[يەشمىسى:] «كەپلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كەپلەشتۈرمەك

  • كەپلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «كەپلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھارۋاڭنى بۇ تار جىلغىغا كەپلەشتۈرۈپ، جېنىڭنى قىينىغۇچە، چوڭ يول بىلەن ماڭساڭ بولمايتتىمۇ

كەپلەشتۈرۈلمەك

  • كەپلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كەپلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كەپلەشمەك

  • كەپلەشمەك[يەشمىسى:] ① «كەپلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھەممىڭ قوللىرىڭنى بىر تۆشۈككە كەپلىشىۋالساڭ مەن ئاشنى نەدىن سۇنۇپ بېرىمەن، دېدى ئاشپەز خاپا بولۇپ.[يەشمىسى:] ② تىقىلماق، قاپلاشماق، تىقىلىپ يا ئالدىغا يا كەينىگە سۈرۈلەلمەيدىغان بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئارقا چاق تۆشۈككە كەپلىشىپتۇ، يەنە گاڭبەنمۇ سۇنۇپتۇ.

كەپلەنمەك

  • كەپلەنمەك[يەشمىسى:] «كەپلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تۇرۇبىغا ئەسكى تۈسكى نەرسىلەر كەپلىنىپ قالغانلىقتىن سۇ توختاپ قالغانىدى.

كەپلىمەك

  • كەپلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۆشۈك، يېرىق قاتارلىقلارغا مەلۇم نەرسىنى نىقتاپ، چىڭقاپ تىقماق، كىرگۈزمەك:[مىسال:] تۇرسۇن پەمىدۇرنى قولىغا ئالدى ۋە ئاغزىغا كەپلەپ ماچىلدىتىپ يېگىلى باشلىدى.

كەپىش

  • كەپىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] خام كېسەك.

كەترەن

  • كەترەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە>ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تۈلكىمايىقى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ. گۈلىدىن پۇراقلىق ماتېرىيال ئىشلەشكە بولىدۇ.

كەتكۈزمەك

  • كەتكۈزمەك[يەشمىسى:] «كەتمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھۆلچىلىك، سوغۇق ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزدى.

كەتكۈزۈلمەك

  • كەتكۈزۈلمەك[يەشمىسى:] «كەتكۈزمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەزىزبەگ تاشكەنتتىن كەتكۈزۈلدى.

كەتمەك

  • كەتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مەلۇم ئورۇندىن باشقا ئورۇنغا قايتماق، بارماق:[مىسال:] بۇ ئۆيدە ئولتۇرغانلار قەيەرگە كەتتى دەپ سوراپتۇ خەلپىتىم.[يەشمىسى:] ② ماڭماق، يۈرمەك، يول باسماق:[مىسال:] تاغام قول سومكامنى كۆتۈرۈپ مەن بىلەن يانمۇيان كېتىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ③ بىرەر مەشغۇلات، خىزمەت ياكى ۋەزىپىنى تاشلىماق، تەرك ئەتمەك:[مىسال:] ئىشتىن كەتمەك. ئوقۇشتىن كەتمەك.[يەشمىسى:] ④ ئۆتمەك، تامام بولماق، تۈگىمەك، يوقالماق:[مىسال:] قىش كېتىپ، باھار كەلدى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قازا تاپماق، ئالەمدىن ئۆتمەك، ئۆلمەك:[مىسال:] ئەگەر ئۆمرۈڭنى مەنىلىك ئۆتكۈزىدىغان بولساڭ، ئۆلسەڭمۇ ئارمانسىز كېتىسەن.[يەشمىسى:] ⑥ سەرپ بولماق، ئىشلىتىلمەك؛ لازىم بولماق، كېرەك بولماق:[مىسال:] بۇ خىلدىكى كېسەلنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىكەن. * ئۆيدە ئادەم جىق بولغاندىكىن، ئاش، نان جىق كېتىدۇ.[يەشمىسى:] ⑦ ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەك، سېتىلماق:[مىسال:] ھېلىقى پاقلان بەك ئەرزان كېتىپتۇ-دە، دېدى ئۇ ئەپسۇس بىلەن.[يەشمىسى:] ⑧ كېسىلمەك، ئۈزۈلمەك:[مىسال:] بالىلىرىم يېتىم قالدى، قىچقارسام ئۈنۈم يەتمەس. قورقماس غەيرىتىم باردۇر، ئول ئۈچۈن بېشىم كەتمەس.[يەشمىسى:] ⑨ مەھرۇم بولماق، ئايرىلماق:[مىسال:] ھالىدىن كەتكەن باقى ئارىسىنى قولتۇقلىغىنىچە بىرچەتتە ئۇخلىماقتا.[يەشمىسى:] 01 ئىشتىن چىقماق، ئەسلىدىكى ئىقتىدارىنى يوقاتماق؛ مەسىلە كۆرۈلمەك:[مىسال:] بەلدىن كەتمەك. كۆزدىن كەتمەك.[يەشمىسى:] 11 تارقىماق، بېرىپ يەتمەك، يېيىلماق (ئاۋاز، نام-شۆھرەت قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئۇنىڭ ھەسرەتلىك نالىسى كۆكنى يېرىپ، يىراق-يىراقلارغا كەتتى.[يەشمىسى:] 21 ھېسابىغا ئۆتمەك، ئۆتمەك:[مىسال:] قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا دەپتىكەن، بىزدىن تۇرپانلىق قېرىنداشلارغا كەتسە نېمە بوپتۇ دېدى ئەلى پالۋان.[يەشمىسى:] 31 پاتماق، چۆممەك، بەند بولماق، غەرق بولماق (ئۇيقۇ، خىيال قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئۇيقۇغا كەتمەك. خىيالغا كەتمەك.[يەشمىسى:] 41 توختىماق، ئۈزۈلۈپ قالماق، قاچماق (توك ھەققىدە):[مىسال:] توك كەتتى.[يەشمىسى:] 51 كېڭىيىپ ئۇلغايماق، يامراپ كۆيمەك، ئالماق (ئوت ھەققىدە):[مىسال:] بالىلار «ئوت كەپتۇ، ئوت كېتىپتۇ» دېيىشىپ يۈگۈرۈشۈپ كېتىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] 61 چىقماق، ئاقماق (قان ھەققىدە):[مىسال:] ئاغزى-بۇرنۇمدىن ئوقتەك قان كەتتى.[يەشمىسى:] 71 مەلۇم ئىسىملارغا ياندىشىپ كېلىپ شۇ ئىسىم ئۇقتۇرغان مەنىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، شۇنداق ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] دەز كەتمەك. * تۇغان يار كەتتى، بۇياققا كېلىڭلار، تېز بولۇڭلار دەپ ۋارقىرىدى ئۇ تۆۋەندە ئېتىزلىرىنى ياقىلىشىۋاتقانلارغا قاراپ.[يەشمىسى:] 81 خاتالاشماق:[مىسال:] سۆزدىن كەتمەك. گەپتىن كەتمەك. * ئادەم تىلدىن كېتەر، ھايۋان مۈڭگۈزدىن (ماقال).[يەشمىسى:] 91 داۋاملاشماق، داۋام ئەتمەك، بولماق:[مىسال:] تەرەپ-تەرەپتە بەزمە تەييارلىقى كېتىۋاتقان بولۇپ، خىلمۇخىل مېۋىلەر، تۈرلۈك لەززەتلىك تائاملار، قەنت-گېزەكلەر ھازىرلاپ قويۇلغانىدى.[يەشمىسى:] 02 سوزۇلماق:[مىسال:] مۇشۇنداق ماڭسىڭىز، شىمال تەرەپكە كەتكەن بىر كوچىغا بارىسىز.[يەشمىسى:] 12 ئىش-پائالىيەتنىڭ بىرەر يۆنىلىش بويىچە داۋام قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] شاھزادە سەزمەي پاتمەك بىلەن ئۆي بولۇشۇپ كېتىۋېرىپتۇ.[يەشمىسى:] 22 پاتماق، سىغماق، مۇۋاپىق كەلمەك:[مىسال:] ئۇلارنىڭ داش قازىنىغا 12 چېلەك سۇ كېتىدۇ. ئۇ قازان بىلەن ئاز بولغاندا 200 كىشىلىك مېھماننى ئۇزاتقىلى بولىدۇ.[يەشمىسى:] 32 كۆپ ساندىكى ئۆتۈمسىز ۋە قىسمەن ئۆتۈملۈك پېئىللارنىڭ «-پ، -ىپ، -ۇپ، -ۈپ» رەۋىشداش شەكلى بىلەن تۈس رولىدا كېلىپ تۆۋەندىكى مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: 1) ھەرىكەتنىڭ ئۈزۈل-كېسەل پۈتۈشى، تاماملىنىشىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] قېچىپ كەتكەن چېچىپ كەتتى (ماقال).[يەشمىسى:] 2) ھەرىكەتنىڭ تۇيۇقسىز، ئۇشتۇمتۇتلا جىددىي، كۈچلۈك ياكى يۇقىرى دەرىجىدە باشلىنىپ، شۇ تەرىقىدە داۋاملاشقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] باغلاقلىق قاۋان ئىت زەنجىرنى سىلكىپ قاۋاپ كەتتى. * ئۇلار بىر-بىرىگە قارىشىپ قويۇپ، قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.[يەشمىسى:] 3) ھەرىكەتنى دەرىجە، قېتىم سانى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىن كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] بىلىمسىزگە ھال ئېيتقۇچە، ئىچىڭدە سېسىپ كەتسۇن (ماقال). * «ئۇستام چاچ قۇرۇپلا كەتتىغۇ» دېگەندىن كېيىن، مەتنىياز يەنە ھۆللەپ ئۇۋۇلاشقا باشلايدۇ. * ئۇنىڭ كېسىلى يەنە ئېغىرلىشىپ كەتتى.[يەشمىسى:] 4) رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەت ئىگىسىنىڭ شۇ ھەرىكەتنى ئورۇندىيالايدىغانلىقىنى، ئورۇنداشقا قادىر ئىكەنلىكىنى ياكى شۇ ھەرىكەتنى ئورۇنداشقا قايىل بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ گەرچە يېڭى كەلگەن بولسىمۇ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ كەتتى.

كەتمەن

  • كەتمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆمۈر قاتارلىق مېتاللاردىن ياسىلىدىغان، يۈزى چوڭراق، ئارقا تەرىپىگە دەستە ئورنىتىش ئۈچۈن چۇلدا (تۆشۈك) چىقىرىلغان، يەر چېپىش سايمىنى، دېھقانچىلىق قورالى.

كەتمەن سېپىنى تۇتۇپ باقمىغان

  • كەتمەن سېپىنى تۇتۇپ باقمىغان[يەشمىسى:] ئېغىر ئەمگەك، جاپا-مۇشەققەت، قىيىنچىلىق كۆرمىگەن؛ ئىشقا پىشمىغان، چىدامسىز، خام:[مىسال:] ئانا خېتىنىڭ ئاخىرىنى «قەدىرلىك بالام، ئاتاڭنىڭ ئازابلىرى بەدىلىگە سەن كەتمەن سېپىنى تۇتۇپ باقماي چوڭ بولغانىدىڭ، ئەمدىكى راھىتىڭ بىلەن ئاناڭنى ئۇنداق تامامەنلا ئۇنتۇپ كەتمە» دەپ ئاخىرلاشتۇرغانىدى.

كەتمىنىنى چاپماق

  • كەتمىنىنى چاپماق[يەشمىسى:] مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلىمەك؛ يان باسماق.

كەتمەنچى

  • كەتمەنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كەتمەن چاپىدىغان، كەتمەن بىلەن ئىش قىلىدىغان كىشى؛ دېھقان:[مىسال:] كەتمەنچى دېسە، مانا مېنى دېسە بولىدۇ. كەتمەننى قىش-ياز چاپىمەن.[يەشمىسى:] ② كەتمەننى ئۇزۇن ھەم ئۈنۈملۈك چاپىدىغان، كەتمەن چېپىشقا ماھىر ئادەم:[مىسال:] ئوتتۇرا قولدەك كەتمەنچىدىن 20 نى ئايرىپ، ئۆستەڭنىڭ تېگىگە چۈشۈردۈم.

كەتمەنقوڭغۇز

  • كەتمەنقوڭغۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كەتمەن+قوڭغۇز[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قوڭغۇزنىڭ بىر خىلى. رەڭگى كۈل رەڭگە مايىل قارا، تېنى ياپىلاق ۋە كەتمەنگە ئوخشاپراق كېتىدۇ. ئۈستىدە توغرىسىغا كەتكەن يوللىرى بولىدۇ.

كەتو

  • كەتو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاليۇمىن.

كەتىرا

  • كەتىرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ، تاش بەدەننى چىڭىتىپ قۇۋۋەت بېرىدۇ، تەرلەشنى توختىتىدۇ، سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ.

كەتىل

  • كەتىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دۈمبىگە ئارتىپ نەرسە توشۇيدىغان سايمان.

كەتىمەك

  • كەتىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① تايتاڭلىماق (بوۋاق بالىلار ھەققىدە).[يەشمىسى:] ② تىغلىق ئەسۋاب بىلەن كىچىك-كىچىك يونۇپ، كېسىپ ئاجراتماق.

كەتىۋال

  • كەتىۋال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① ئىگىسىز قالغان، مۇسادىرە قىلىنغان يەرلەرنى ئىجارىگە بېرىش، ئىجارىسىنى يىغىش ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.[يەشمىسى:] ② يېتىم ئاقساقال.

كەچ

  • كەچ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ ئالمىشىش ئارىلىقىدىكى ۋاقىت، يەنى نامازدىگەردىن ناماز خۇپتەنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاراڭغۇ چۈشۈپ تۈن خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ۋاقىت:[مىسال:] مەن ئاخشام بەك كەچ ياتقانىدىم.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن كېيىن، بەلگىلەنگەن ياكى مۇۋاپىق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن:[مىسال:] خۇدا كەچ قويسا قويار، ئاچ قويماس (ماقال).

كەچقۇرۇن

  • كەچقۇرۇن[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈن ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشەي دەپ قالغان ۋاقىت، ئاخشام.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كەچتە، كەچ ئەتراپىدا، كەچ مەھەلدە:[مىسال:] ئۇقتۇم، ياخشى بولىدۇ، دەپتۇ مىسكەر، كەچقۇرۇن كېلىپ چىراغلىرىڭنى ئەكېتەرسەن.

كەچقۇرۇنقى

  • كەچقۇرۇنقى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەچقۇرۇنغا تەۋە، كەچقۇرۇن مەزگىلىدىكى، كەچقۇرۇنلۇق.

كەچقۇرۇنلۇق

  • كەچقۇرۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەچقۇرۇن مەزگىلىدىكى، كەچقۇرۇنغا تەۋە، كەچقۇرۇنغا تەييارلانغان:[مىسال:] كۈزنىڭ كەچقۇرۇنلۇق ھاۋاسى جانغا راھەت ئىدى. * كەچقۇرۇنلۇق غىزا ئۈچۈن ئۇ قازانغا ئوت ياققانىدى.

كەچقۇرۇنلۇقى

  • كەچقۇرۇنلۇقى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كەچتە، كەچ ۋاقتىدا، كەچ مەھەلدە:[مىسال:] ئۇ ھەركۈنى كەچقۇرۇنلۇقى مېنى ئىزلەپ كېلەتتى.

كەچكى

  • كەچكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەچكە ئائىت، كەچتىكى، كەچلىك:[مىسال:] كەچكى قۇياش. كەچكى شەپەق.

كەچكىچە

  • كەچكىچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① كەچ بولغۇچە، كەچ بولغانغا قەدەر، كەچ كىرگۈچە:[مىسال:] خاسىيەتخان كەچكىچە قىزىنىڭ كەلگۈسىدىكى بەختى توغرىسىدا شېرىن خىياللارغا چۆمۈلۈپ يۈردى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەر دائىم، ھەمىشە، داۋاملىق:[مىسال:] سىلى ئوغلىمىزغا زادىلا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدىلا، كەچكىچە خىزمەت، مەجلىس دەپ ئالدىرىغانلىرى ئالدىرىغان، دېدى ئايالى ئاچچىقلاپ.

كەچلىك

  • كەچلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەچكە تەۋە، كەچكە تەئەللۇق، كەچتىكى؛ كەچتە بولىدىغان، كەچ ئۈچۈن تەييارلانغان:[مىسال:] كەچلىك غىزادىن كېيىن زەيتۇنەم ئۇنى ھوجرىسىغا باشلاپ كىردى.

كەچلىمەك

  • كەچلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ۋاقىتنى كەچ قىلماق، كەچكىچە تۇرماق:[مىسال:] ۋاي نېمىشقا، نەگە ئالدىرايسىز كەلگەندىن كېيىن مېھمان بولۇپ كەچلەپ كېتىڭ.

كەچمەك

  • كەچمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۇغا ئوخشاش سۇيۇق ياكى قار، قۇمغا ئوخشاش يۇمشاق نەرسىلەرنى يېرىپ ماڭماق، شۇنداق نەرسىلەر ئۈستىدىن دەسسەپ ئۆتمەك:[مىسال:] قاتمۇقات ئېدىرلار ئارىسىدا ئىككى كىچىك يولۇچى قار كېچىپ ئىلگىرىلەۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پەيدا بولماق، ھاسىل بولماق؛ ئۆتمەك (خىيال، كۆڭۈل، مېڭە، پىكىر قاتارلىقلاردىن):[مىسال:] ئابدۇرېھىمنىڭ كۆڭلىدىن «ئەمدى مۇسا تاغامغا نېمە دەيمەن» دېگەن ئاچچىق پۇشايمان كەچتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] (پىكىر، نىيەت، مېھىر، جان، مەنپەئەت قاتارلىقلاردىن) ئۈمىدىنى، ئالاقىسىنى، مۇناسىۋىتىنى ئۈزمەك، تەرك ئەتمەك، ئايرىلماق:[مىسال:] بېخىل جېنىدىن كېچەر، مېلىدىن كەچمەس (ماقال). * جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ④ ئۆتمەك، ئەپۇ قىلماق، سالاۋات قىلماق (خاتالىق، گۇناھ قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] گۇناھىمىزدىن كەچسىلە ئىكەن، دەپتۇ كېنىزەكلەر يەرنى سۆيۈپ. كەچتىم، دەپتۇ پادىشاھ بېشىنى لىڭشىتىپ.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بولماق، يولۇقماق، ئۇچرىماق:[مىسال:] بارغانلاردىن، يانغانلاردىن سېنى سورايمۇ سېنىڭ ھالىڭ نە كەچتى دەپ ئۆزۈم بارايمۇ

كەچمىش

  • كەچمىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىلگىرى بېشىدىن ئۆتكەن تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرى، بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر؛ ئۆتمۈش:[مىسال:] ئاھ، ياق، بۇ بولىدىغان گەپ ئەمەس ئۇ كەچمىشلىرىنى قانداقمۇ ئۇنتۇيالىسۇن

كەچمىش-كەچۈرمىش

  • كەچمىش-كەچۈرمىش[يەشمىسى:] كەچمىش ۋە كەچۈرمىش:[مىسال:] ئۇلار ئاتا-ئانىغا كەچمىش-كەچۈرمىشى، تارتقان جاپالىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.

كەچۈرگۈسىز

  • كەچۈرگۈسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەچۈرگىلى، ئەپۇ قىلغىلى، سالاۋات قىلغىلى بولمايدىغان:[مىسال:] ئۆز خوجىسىنىڭ مەخپىيىتىگە قول سېلىش ئاللا ئالدىدا كەچۈرگۈسىز گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىك بولىدۇ.

كەچۈرمە

  • كەچۈرمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر ياكى ئادەم روھىدا پەيدا بولغان تۈرلۈك ھېس-تۇيغۇلار:[مىسال:] ئۇنىڭ ئىچكى كەچۈرمىلىرىدىن خەۋەرسىز بوۋاي ئۇنىڭدىن سەل ئەجەبلىنىپ قالدى.

كەچۈرمەك

  • كەچۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «كەچمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇنداق سوغۇقتا ئوغلۇڭنى سۇ كەچۈرۈپ نېمە قىلىسەن * قارىغاندا سىز مېنى كەچۈرمەيدىغان ئوخشايسىز.[يەشمىسى:] ② ئۆتكۈزمەك:[مىسال:] كۆزدىن كەچۈرمەك. * بىز ئىككىمىز ئەبەدىي ياخشى ئەر-خوتۇن بولۇپ كۈن كەچۈرىمىز.

كەچۈرمىش

  • كەچۈرمىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشتىن ئۆتكەن تۈرلۈك ۋەقە-ھادىسىلەر؛ كەچمىش:[مىسال:] بالا پادىشاھقا ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى قالدۇرماي سۆزلەپ بېرىپتۇ.

كەچۈرۈشمەك

  • كەچۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «كەچۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئاتلارنى دەريادىن كەچۈرۈشۈپ، ئۆزلىرى قېيىق بىلەن دەريادىن ئۆتۈشكەنىكەن. * ئۇلار ئالىمنى كەچۈرۈشتى.

كەچۈرۈلمەك

  • كەچۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كەچۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] چېكىدىن ئېشىپ قىلغان ھۇجۇملىرىڭىز كونا قەدىردانلىقىڭىز ھۆرمىتى ئۈچۈن كەچۈرۈلىدۇ. سىز خاتىرجەم كېلىۋېرىڭ.

كەچۈرۈم

  • كەچۈرۈم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەپۇ، ئۆزرە، گۇناھ ئەيىبىنى ۋە شۇ سەۋەپلىك يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەت، جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، كەڭچىلىك:[مىسال:] كەچۈرۈم سورىماق. كەچۈرۈم قىلماق.

كەر

  • كەر [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] «كېر»گە قاراڭ:[مىسال:] ھەي يولۇچى، يولۇچى، كەركە بويلۇق كەر ئېتىڭ، كەر بۇلاقتا يۈرىدۇ.

كەرەپشە

  • كەرەپشە[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىڭسەي.

كەرەشمە

  • كەرەشمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىراۋغا يېقىش، ئۇنىڭ ئامراقلىقىنى، تەلپۈنۈشىنى قوزغاش ئۈچۈن گەۋدە، كۆپىنچە يۈز-كۆز بىلەن قىلىنغان نازلىق ھەرىكەت، نازلىق قىلىق:[مىسال:] نېسىپ بوپتۇ ساڭا گۈزەللىك، ناز-كەرەشمە بىلەن قېتىلىپ.

كەرەم

  • كەرەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① مەرھەمەت، ھىممەت، شاپائەت:[مىسال:] كەرەم قىلماق. * ئالىي كەرەملىرىنىڭ دۆلەتلىرى سايىسىدە، بىز پۇقرالار خاتىرجەم ياشاۋاتىمىز.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

كەرەملىك

  • كەرەملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەرھەمەتلىك، ھىممەتلىك، شەپقەتلىك:[مىسال:] ئەي كەرەملىك پادىشاھ، نېمىگە خۇشال ئولتۇرمايسىز

كەرتمەك

  • كەرتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يونۇماق، يونۇپ ئىز چىقارماق:[مىسال:] ياغاچنى سەل كەرتىپ ئاندىن شوينىنى باغلا، بولمىسا، سىيرىلىپ توختىمايدۇ.

كەرتىك

  • كەرتىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يونۇپ چىقرىلغان ئىز؛ كەمتۈك.[يەشمىسى:] ② پاراللېل ئىككى ئەزا ئوتتۇرىسىدىكى كەمتۈك جاي.

كەرتىلمەك

  • كەرتىلمەك[يەشمىسى:] «كەرتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كەرتىم

  • كەرتىم[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ يونۇلىدىغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر كەرتىم.

كەررە

  • كەررە[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] كۆپەيتىش:[مىسال:] كەررە جەدۋىلى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەررە بەلگىسى (×).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن بىرگە كېلىپ ھەرىكەتنىڭ تەكرارلىنىش دەرىجىسىنى بىلدۈرىدۇ ھەم «قېتىم، نۆۋەت، مەررە؛ كۆپەيتىلگەن، يەردە» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] ۋاپا لەۋزىدىن سەن ئىدىڭ مۇئەللىم، ماڭا بەردىڭ يەنە بىر كەررە تەلىم.

كەررەك

  • كەررەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تېنى چوڭ، خوخا تىكەنگە ئوخشايدۇ. غولى تىك، گىرۋەكلىرىدە تىكىنى ۋە يېشىل قاناتلىرى بولىدۇ. پۈتۈن تېنىدىن دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىنىدۇ. ئۇ زىيانداش ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە.

كەررىلەتمەك

  • كەررىلەتمەك[يەشمىسى:] «كەررىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كەررىلەشمەك

  • كەررىلەشمەك[يەشمىسى:] «كەررىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كەررىلەنمەك

  • كەررىلەنمەك[يەشمىسى:] «كەررىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كەررىلىمەك

  • كەررىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەسسىلىمەك، ھەسسىلەپ كۆپەيتمەك.

كەركىدان

  • كەركىدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. توم تۇياقلىق، تەن شەكلى كالىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، بوينى قىسقا، تۆت ئايىغى چوڭ، بۇرنىنىڭ ئۈستىدە بىر ياكى ئىككى مۈڭگۈزى بار. تېرىسى قوپال لېكىن قېلىن، سەل قارامتۇل، تۈكلىرى يوق.

كەركىدانگۈل

  • كەركىدانگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كەركىدان+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئەرمۇدۇن ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان كىچىك دەرەخ ياكى چاتقال. مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە پۇراق ماتېرىيالى ئېلىشقىمۇ بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

كەرگەⅠ

  • كەرگەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ ئارىسىنى ئېچىش، كېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ياغاچ ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسە:[مىسال:] ئاي خېنىم بىر باقسىنا، كۆزۈڭنى چوڭ-چوڭ ئاچسىنا. كىرپىكىڭ دالدا قىلسا، كەرگىدە كېرىپ ئاچسىنا.[يەشمىسى:] ② كەچتىچىلىكتە كەشتە چۈشۈرۈلىدىغان رەختنى كېرىپ، يېيىپ، ئېچىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان چەمبەر شەكىللىك ئەسۋاب، چەمبىرەك:[مىسال:] ئۇ كەرگىگە تارتىلغان يىپەك رەخت ئۈستىگە كەشتە بېسىشقا باشلىدى.

كەرگەⅡ

  • كەرگەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كىگىز ئۆينىڭ ياغاچ شادىلىق تېمى.

كەرگۈزمەك

  • كەرگۈزمەك[يەشمىسى:] «كەرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كەرمان

  • كەرمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كەرمان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ. نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، بەلغەم بوشىتىش رولىغا ئىگە.

كەرمەك

  • كەرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىككى تەرەپكە تارتىپ ئارىسىنى ئاچماق، يايماق؛ كەڭ، چوڭ ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] كېرىمى كېرىپ بەردى، رېھىمى يېرىپ بەردى (ماقال). * بىز ئۇنى كونا بىر ئەلگەكنىڭ قاسقىنىغا كېرىپ دۇمباق ياسىدۇق.

كەرىقۇر

  • كەرىقۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قۇشلار كلاسى، كەرىقۇر ئائىلىسى. ئەركىكىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 60 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، پەي-تۈكلىرى دېگۈدەك قارامتۇل، قۇيرۇق پەيلىرىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئاقۇچ ئالىسى، گېلىدا ئاق رەڭلىك پەيلىرى، قارامتۇل كىچىك سەپكۈنلىرى بار. قېلىن، ئېگىز تاغ ئورمانلىرىدا توپلىشىپ ياشاپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يۇمران نوتىسى، مېۋە شىرنىلىرىنى ئوزۇق قىلىدۇ.

كەرىك

  • كەرىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئارىسى ئوچۇق، كېرىلگەن؛ چوڭ يېرىقى ياكى تۆشۈكى بار.

كەز

  • كەز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋاقىت، چاغ، مەزگىل، پەيت:[مىسال:] كېزى كەلگەندە. * ئۇلار خالىراق قالغان كەزلىرىدە رەيھان ھەققىدە بىرنېمىلەرنى دېيىشىپ ئۇھ تارتىشاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] قېتىم، نۆۋەت، رەت:[مىسال:] بۇ كەز بىز ئۇلارنى يېڭىپ، غالىب بولدۇق.

كەزدۈرمەك

  • كەزدۈرمەك[يەشمىسى:] «كەزمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مېنى ساڭا كۆيدۈرگەن، قارا قېشىڭ بىلەن كۆزدۇر. ئۇلۇغ دەريانى كەزدۈرگەن، گىلاڭ تاغلاردىكى مۇزدۇر.

كەزدۈرۈلمەك

  • كەزدۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كەزدۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كەزمەك

  • كەزمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مېڭىپ، ئايلىنىپ يۈرمەك، ئارىلىماق، زىيارەت قىلماق، ساياھەت قىلماق:[مىسال:] لۇتپۇللا دالىدا يۈرۈشنى، جاڭگال-جىرالارنى كېزىشنى، تاغلارغا، تىك چوققىلارغا چىقىشنى ياخشى كۆرەتتى.

كەسپىي

  • كەسپىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كەسىپكە، ھۈنەرگە ئائىت؛ ھۈنەر-كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك ياكى ئالاقىدار بولغان:[مىسال:] بىز ئۇلارنىڭ كەسپىي سەۋىيىسىگە، ئىش ئۈنۈمىگە، تىرىشچانلىقىغا قارىمىساق بولمايدۇ.[يەشمىسى:] ② مەخسۇس بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، مەخسۇس بىر كەسىپنى تۇتقان:[مىسال:] ئۇلار ھازىر بېلىقچىلىقتا كەسپىي ئائىلە بولۇپ قالدى.

كەستۈرمەك

  • كەستۈرمەك[يەشمىسى:] «كەسمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سۇپتاي پۇتىنى كەستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كەس-كەسلا

  • كەس-كەسلا[يەشمىسى:] كەسكەنلا يېرى، قەيەرنى كەسسەڭ شۇ يېرى:[مىسال:] ئاجايىپ سېمىز چىقتى، كەس-كەسلا ماي.

كەسكەك

  • كەسكەك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېسىدىغان؛ ئۆتكۈر.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىتنىڭ بوينىنى ئارغامچا ياكى تانا بىلەن باغلىغاندا بوينىنى سىقىۋالماسلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يەنى ئىككى بېشىغا ئىتنىڭ بوينى پاتقۇدەك تانا باغلاپ، ئوتتۇرىسىغا چۇلۋۇر بېكىتىدىغان قىسقا كالتەك.

كەسكەكچى

  • كەسكەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] «خەتنىچى»گە قاراڭ.

كەسكۈچى

  • كەسكۈچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېسىش رولىنى ئوينايدىغان، كېسىدىغان:[مىسال:] كەسكۈچى پىچاق. كەسكۈچى تىغ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] چەمبەر ياكى باشقا ئەگرى سىزىقلارنىڭ ئۈستىدىكى خالىغان ئىككى نۇقتىدىن ئۆتكەن تۈز سىزىق.

كەسكىن

  • كەسكىن[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈزۈل-كېسىل، قەتئىي، جىددىي:[مىسال:] گېپى كەسكىن. كەسكىن كۈرەش. * ئۆي ئىچىدىكى كەسكىن مۇلاھىزە تېخى داۋاملىشىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پوزىتسىيىسى ئۈزۈل-كېسىل، مەسىلە-ئەھۋاللارغا قارىتا تېز ھەم ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلىش خاھىشى بويىچە مۇئامىلە قىلىدىغان (ئادەملەر ھەققىدە):[مىسال:] ئاۋۇت ئاكام تولىمۇ كەسكىن ئادەم بولغاچقا، بىز ھەممىمىزلا ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشاتتۇق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېز ھەم كۈچلۈك، شىددەتلىك، قاتتىق؛ جىددىي (ئاۋاز ۋە شۇ قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئۇنىڭ ئاۋازىدا ھېلىغىچە بىلىنگەن كەسكىن بىر تۈس بار ئىدى. * ياق دېدى ئۇ كەسكىن بىر ئاۋازدا.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تېز، دەرھال، بىردىنلا:[مىسال:] ئۇ ئېتىنىڭ بېشىنى كەسكىن بۇرىدى-دە، ئەمدىلا مەلۇم بولغان خائىننى قوغلاپ كەتتى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پۈتۈنلەي، بىردىنبىر، تۈپ يىلتىزىدىن:[مىسال:] باشلىقنىڭ بىردىنلا كەسكىن ئۆزگىرىشى بىزنى گاڭگىرتىپ قويغانىكەن.

كەسكىنلەشتۈرمەك

  • كەسكىنلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «كەسكىنلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كەسكىنلەشتۈرۈشمەك

  • كەسكىنلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «كەسكىنلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كەسكىنلەشتۈرۈلمەك

  • كەسكىنلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كەسكىنلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كەسكىنلەشمەك

  • كەسكىنلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كەسكىن بولماق، كەسكىن ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] مۇسابىقە كەسكىنلىشىپ كەتتى. * ئۇنىڭ سۆزلىرىمۇ كەسكىنلەشمەكتە ئىدى.

كەسكىنلىك

  • كەسكىنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەتئىيلىك؛ قەتئىي ھەم كەسكىن مۇئامىلە، ھەرىكەت:[مىسال:] چىقمايدۇ دېدى مەردان كەسكىنلىك بىلەن.

كەسلەتمەك

  • كەسلەتمەك[يەشمىسى:] «كەسلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ كۆتەكنى ئوغلىغا كەسلىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئوت قالاش ئۈچۈن جابدۇندى.

كەسلەشمەك

  • كەسلەشمەك[يەشمىسى:] «كەسلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار شاخ-شۇمبىلارنى كەسلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ھارۋىلىرىغا بېسىپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

كەسلەم

  • كەسلەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ بەلگىلىك ئۆلچەم بويىچە كېسىلگەن مەلۇم بىر پارچىسى، بۆلىكى:[مىسال:] يول باشلىغۇچى كۆپچىلىكنى ئويغىتىپ، بىر كەسلەم بامبۇك تۇرۇبىسىنى گۈلخانغا تاشلىدى.

كەسلەملىك

  • كەسلەملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەسلەم قىلىنغان، بۆلۈنگەن، كەسلەمگە ئايرىلغان ياكى بەلگىلىك كەسلەم قىلىشقا تەييارلانغان:[مىسال:] شىرەنىڭ ئوتتۇرىسىدا سەككىز كەسلەملىك قېلىن بىر تاختا قەغەز ئاق پېتى يېيىقلىق تۇراتتى.

كەسلەنچۈك

  • كەسلەنچۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۆرەلگۈچى ھايۋان. بەدىنىنىڭ يۈزىدە كىچىك تەڭگىچە قاسىراقلىرى، ئاستىدا تۆت پۇتى بار. قۇيرۇقى ئىنچىكە، ئۇزۇن، ئاسانلا ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. ئوت-چۆپ ئارىسىدا ياشايدۇ. ھاشارات ۋە باشقا كىچىك ھايۋانلارنى يەپ ئوزۇقلىنىدۇ.

كەسلەندى

  • كەسلەندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەسلەنگەن، كېسىپ پارچىلانغان، كەسلەم قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھەربىرى:[مىسال:] ئۇ تۈنىكە مەشكە ئوتۇن كەسلەندىلىرىنى تاللاپ ئوت ياقتى، مەش قىزىپ ئۆي ئىسسىدى.

كەسلەنمەك

  • كەسلەنمەك[يەشمىسى:] «كەسلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ كەسلەنگەن ئوتۇنلارنى ئوچاق ئالدىغا ئەكىرىپ قويۇپ، كۆلگە سۇ ئالغىلى چىقىپ كەتكەنىدى.

كەسلىمەك

  • كەسلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بەلگىلىك ئۆلچەم بويىچە كېسىپ، قىسقا بۆلەكلەرگە كەلتۈرمەك:[مىسال:] ئوتۇنلار مەشكە لايىق كەسلەپ قويۇلغانىدى.

كەسمە

  • كەسمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېسىلگەن، كېسىپ قويۇلغان:[مىسال:] كەسمە چاچ. * بىز ئالدى بىلەن كەسمە يۈزنى ئۆلچىشىمىز كېرەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېسىلگەن، قىرقىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەربىر پارچىسى:[مىسال:] يولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكىلەر پىئونېرلارغا ماسلىشىپ رەڭلىك قەغەز كەسمىلىرى چېچىشتى.

كەسمەك

  • كەسمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تىغلىق ئەسۋابلار بىلەن نەرسىلەرنى بۆلەكلەرگە ئايرىماق، پارچە-پارچە قىلماق، پارچىلىماق:[مىسال:] پىچاق دەستىسىنى كەسمەپتۇ (ماقال). * ياغاچ كەسسەڭ ئۇزۇن كەس، تۆمۈر كەسسەڭ قىسقا كەس (ماقال).[يەشمىسى:] ② تىغلىق ئەسۋابلار بىلەن تىلماق، يارماق، جاراھەتلەندۈرمەك:[مىسال:] قولنى كەسمىگۈچە قان چىقماس (ماقال). * ئۇنىڭ ئوڭ پۇتىنى ئورما ئورۇۋاتقاندا ئورغاق كېسىۋەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ③ پىچماق (كىيىم ھەققىدە):[مىسال:] ئۇ بىردەمنىڭ ئىچىدىلا كىرگەن رەختلەرنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ بولۇپ، تىككۈچىلەرگە تاشلاپ بەردى-دە، رەيھاننى ئىزلەپ ماڭدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر جاينىڭ ئارىسىدىن، ئوتتۇرا قىسمىدىن نىشان قىلغان جايىغا ئۇدۇللاپ يول ئالماق، ئوتتۇرىدىن يېرىپ بارماق، يۆنەلمەك:[مىسال:] ئۇ كىشى قولۋاققا ئولتۇرۇپ، دەريانى كېسىپ ئۆتمەكچى بوپتۇ.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] توسماق، مەلۇم بىرنەرسە بىلەن توسالغۇ ھاسىل قىلىپ تورىماق:[مىسال:] ئارىدىن خوجايىن ئىشىكنى تاقاپ، زال بىلەن بىليارتخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يولنى كېسىپ تاشلىدى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۈزۈپ قويماق، بۆلمەك (گەپ، مۇلاھىزە، سۆھبەت قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] پەلسەپە ساتمىساڭچۇ، ھويلىغا نەدىن كىردىڭ دېدى روزى سادىقنىڭ سۆزىنى كېسىپ.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بەلگىلىمەك، بېكىتمەك، بىر قارارغا كەلمەك (باھا، ئىش ھەققى قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ۋاي-ۋۇي، ئەجەب كېلىشىپ بولالماي كەتتىڭلار، مەنلا كېسىپ قويمايمۇ، دېدى بىر ئاقساقال بېدىك قوي ئىگىسى بىلەن خېرىدارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جازاغا ھۆكۈم قىلماق، جازا مۇددىتىنى بېكىتمەك:[مىسال:] ھېلىقى جىنايەتچىنى نەچچە يىللىق كەسكەندۇ بىرەيلەن تۇيۇقسىزلا سوراپ قالدى.[يەشمىسى:] ⑨ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تالون، بېلەت، ھۆججەت قاتارلىقلارنىڭ رەسمىيىتىنى بېجىرمەك:[مىسال:] ھېلىقى بېلەت كەسكەن ئايال دۇكانغا يەنە قايتىپ كىرىپ ئورنىدا ئولتۇردى.[يەشمىسى:] 01 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەسىرىنى، كۈچىنى ئاجىزلاتماق، پەسەيتمەك، قايتۇرماق:[مىسال:] ئاچچىقسۇ ھاراقنى كېسىدۇ. * ئاچچىقنى ئاچچىق كېسىدۇ.

كەسىپ

  • كەسىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىش-پائالىيەتنىڭ مەلۇم تەجرىبە، تەييارلىق تەلەپ قىلىدىغان بىر تۈرى؛ ھۈنەر، ساھە:[مىسال:] كىتاب سېتىشنىمۇ ئۆگىنىپ قويىدىغان كەسىپمۇ دېدى ئۇ كۈلۈپ كېتىپ.[يەشمىسى:] ② ئىلىم، ئىلىم ساھەسى:[مىسال:] ماتېماتىكا كەسپى. خىمىيە كەسپى. تىل-ئەدەبىيات كەسپى.[يەشمىسى:] ③ ئادەت قىلىنغان ئىش، ئادەت:[مىسال:] ئۇنىڭ دوپپىسىنى بۇنىڭغا كىيدۈرۈش سىزنىڭ تۇغما كەسپىڭىز.

كەسىپچانلىق

  • كەسىپچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەسىپكە بولغان يۇقىرى دەرىجىدىكى قىزغىنلىق، كەسىپكە بولغان قىزغىن روھىي كەيپىيات:[مىسال:] بۇ خىزمەتنى ئۈنۈملۈك ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۈكسەك كەسىپچانلىققا ئىگە بىر تۈركۈم ئالىملارنى ئىشقا سېلىش كېرەك.

كەسىپدار

  • كەسىپدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەخسۇس بىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، شۇ كەسىپ ساھەسىدە بەلگىلىك بىلىم، تەجرىبىگە ئىگە بولغان كىشى:[مىسال:] دىنىي كەسىپدارلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى نورمال ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

كەسىپداش

  • كەسىپداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئوخشاش كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشىلەر (بىر-بىرىگە نىسبەتەن):[مىسال:] بۇ مەپە كەسىپداشلارنىڭ تۇردىئاخۇن ئاكىغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتى، شۇنداقلا، چەكسىز سېغىنىشنىڭ بەلگىسى ئىدى

كەسىپداشلىق

  • كەسىپداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەسىپداشلار ئارىسىدا بولىدىغان مۇناسىۋەت:[مىسال:] مەن كەسىپداشلىق يۈز-خاتىرىسى ئۈچۈنلا ئۇ كىشىگە ئازدۇر-كۆپتۇر ئېتىبار بېرىپ كېلىۋاتاتتىم.

كەسىپسىز

  • كەسىپسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر كەسپى يوق، ھېچقانداق كەسىپنى بىلمەيدىغان:[مىسال:] كەسىپسىز ئادەم.

كەسىپلەشتۈرمەك

  • كەسىپلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «كەسىپلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كەسىپلەشتۈرۈلمەك

  • كەسىپلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كەسىپلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كەسىپلەشمەك

  • كەسىپلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كەسىپ ئىگىسىگە ئايلانماق:[مىسال:] پەنلەر بويىچە مەخسۇس كەسىپلەشكەن مۇتەخەسسىسلەرنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.[يەشمىسى:] ② مەخسۇس كەسىپلەر بويىچە بۆلۈنۈپ ئىش ئېلىپ بارماق، كەسىپلەر بويىچە ئايرىلماق:[مىسال:] دېھقانلار كەسىپلىشىشكە قاراپ زور قەدەم تاشلىدى.

كەسىر

  • كەسىر[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر بىرلىكنىڭ بىر ياكى بىرنەچچە بۆلىكىنى ئىپادىلەيدىغان:[مىسال:] كەسىر سان. كەسىر ئىپادە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر بىرلىكنىڭ بىر ياكى بىرنەچچە بۆلىكىنى ئىپادىلەيدىغان سان، كەسىر سان:[مىسال:] ئاددىي كەسىر. ئونلۇق كەسىر. كەسىرلەرنى قىسقارتىش.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قالدۇق:[مىسال:] توققۇزنى ئىككىگە بۆلسەك بىر كەسىر قالىدۇ.

كەسىر سان

  • كەسىر سان [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] كەسىر.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] شەيئىنىڭ پارچە سانىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر. مەسىلەن، ئۈچتىن ئىككى، بەشتىن بىر، يۈزدىن ئۈچ قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

كەسىرسىز

  • كەسىرسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كەسىرى، قالدۇقى ئاشمىغان ھالدا:[مىسال:] سەككىز تۆتكە كەسىرسىز بۆلۈنىدۇ.

كەسىرلىك

  • كەسىرلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەسىرى بار، كەسىرگە ئىگە:[مىسال:] ئاددىي كەسىرلىك تەڭلىمە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كەسىرى، قالدۇقى ئاشقان ھالدا:[مىسال:] توققۇز تۆتكە كەسىرلىك بۆلۈنىدى.

كەش

  • كەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قونچى، بوغقۇچى يوق، ياز كۈنلىرى ئۆي ئىچى ياكى ھويلا-ئارام ئەتراپىدا كىيىلىدىغان بىر خىل يېنىك ئاياغ، ساپما ئاياغ:[مىسال:] ئۇ پۇتىغا ساپما كەش كىيىۋالغانىدى.[يەشمىسى:] ② مەسىنىڭ ئۈستىگە كىيىدىغان ئاياغ.

كەش بازىرىدا قالماق

  • كەش بازىرىدا قالماق[يەشمىسى:] مەلۇم بىر ئىش-پائالىيەتتە ئەڭ ئارقىدا، تۆۋەندە قالماق، ئىناۋەتسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالماق:[مىسال:] مۇختەرجان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ يىراق كەش بازىرىدا قالدى.

كەشىنى توغرىلىماق

  • كەشىنى توغرىلىماق[يەشمىسى:] ① كېتىپ قالماق؛ قاچماق، تىكىۋەتمەك:[مىسال:] مەنمۇ بۇ يەردە تۇرماي، بالدۇرراق كەشىمنى توغرىلىسام بولغۇدەك.[يەشمىسى:] ② كېتىشكە مەجبۇر قىلماق، ھەيدىمەك، قوغلىماق:[مىسال:] بىز «ماڭسىلا خېنىم» دەپ كەشىنى توغرىلاپ قويدۇق.

كەشىنى قولتۇقلىماق

  • كەشىنى قولتۇقلىماق[يەشمىسى:] ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ كەتمەك، قوغلانماق، ھەيدەلمەك:[مىسال:] ئۇ شۇ بارغان پېتى گېپىنى ئۆتكۈزەلمەي، كەشىنى قولتۇقلاپ قايتىپ كەپتۇ.

كەشىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ قويماق

  • كەشىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ قويماق[يەشمىسى:] ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ يولغا سېلىپ قويماق، ھەيدىمەك، قوغلىماق:[مىسال:] ئۇنداق ئادەمدىن نەچچىسىنىڭ كەشىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ قويغانمەن.

كەشىنى قولتۇقىغا قىسماق

  • كەشىنى قولتۇقىغا قىسماق[يەشمىسى:] «كەشىنى قولتۇقلىماق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئۇ ئىلاجىسىز قېلىپ، كەشىنى قولتۇقىغا قىسىپ قايتىپ كەپتۇ.

كەشىنى قېقىپ

  • كەشىنى قېقىپ[يەشمىسى:] قۇرۇق قول، ھېچنېمىگە ئىگە بولالماي:[مىسال:] لەشكەر باستۇرۇپ كېلىپمۇ بېقىپ، تۇمشۇقىغا يەپ، قانلىرى ئېقىپ، يامان غەرىزى بېشىغا چىقىپ، قايتىشقانىدى كەشىنى قېقىپ.

كەشىنىڭ چۈشۈپ قالغىنىغا قارىماي

  • كەشىنىڭ چۈشۈپ قالغىنىغا قارىماي[يەشمىسى:] ئىنتايىن قورقۇنچ ئىچىدە، قاتتىق ئالدىراشلىق بىلەن:[مىسال:] كىم بىلسۇن، ئۇلار بىز بىلەن ئېلىشا-ئېلىشمايلا كەشىنىڭ چۈشۈپ قالغىنىغا قارىماي، رەسۋالارچە قاچتى.

كەشىنىڭ سوڭىدا ناس كاپ ئېتىدىغان

  • كەشىنىڭ سوڭىدا ناس كاپ ئېتىدىغان[يەشمىسى:] پاسىق، پاسكىنا؛ نىيىتى دۇرۇس بولمىغان، ئالدامچى، ھىيلىگەر:[مىسال:] لىللا گەپنى قىلسام موللام، مەن ئىمانىمنىڭ سۇسلۇقىدىن ئەمەس، خۇددى سىزگە ئوخشاش كەشىنىڭ سوڭىدا ناس كاپ ئېتىدىغان يالغان موللامنىڭ كاساپىتىدىن مۇشۇ كۈنگە قالغانمەن.

كەشپىيات

  • كەشپىيات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەكشۈرۈش، ئىلمىي تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن، يارىتىلغان نەرسە، ئىختىرا، ئىجادىيەت:[مىسال:] يولداش جۈمە، دېدى سادىق تەمكىنلىك بىلەن، بۇ يېڭىلىق يارىتىش ياكى ھېچقانداق كەشپىياتقا كىرمەيدۇ.

كەشپىياتچى

  • كەشپىياتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەشىپ قىلغۇچى كىشى، ئىختىرا قىلغۇچى:[مىسال:] ئېدىسۇن دۇنيادا ئەڭ مەشھۇر كەشپىياتچى ئىدى.

كەشپىياتچىلىق

  • كەشپىياتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەشىپ قىلىش ئىشى، خىزمىتى، پائالىيىتى:[مىسال:] ئۇ پۈتۈن دۇنياغا كەشپىياتچىلىق بىلەن تونۇلغان، ئەمما ئۆمرىدە مۇقىم مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان كىشى ئىدى.

كەشتە

  • كەشتە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] رەختنىڭ يۈزىگە يىڭنە بىلەن تىكىپ چۈشۈرۈلگەن گۈل، تۈرلۈك رەسىم، ھەر خىل سىزىقچە ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر:[مىسال:] پاتىمە كەرگىگە يېپىلغان لاتىغا ئېڭىشىپ كەشتە تىكىپ ئولتۇراتتى.

كەشتىچى

  • كەشتىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەشتە تىككۈچى، كەشتە تىكىشكە ماھىر كىشى:[مىسال:] ئىش بىلمەس كەشتىچى بوپتۇ، ئاش بىلمەس ئۈگرىچى (ماقال).

كەشتىچىلىك

  • كەشتىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەشتە تىكىش ئىشى، خىزمىتى ياكى كەسپى.

كەشتىلەتمەك

  • كەشتىلەتمەك[يەشمىسى:] «كەشتىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئاپىسىغا دەپ كۆڭلىكىگە گۈل كەشتىلەتمەكچى بولدى.

كەشتىلەشمەك

  • كەشتىلەشمەك[يەشمىسى:] «كەشتىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كەشتىلەنمەك

  • كەشتىلەنمەك[يەشمىسى:] «كەشتىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئابدۇللا داۋۇت بىلەن يۈسۈپجان ياغلىققا كەشتىلەنگەن شېئىرنى ئالدىرىماي ئوقۇپ چىقتى.

كەشتىلىك

  • كەشتىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەشتە تىكىلگەن، كەشتە بېسىلغان، كەستىلەنگەن:[مىسال:] ئۇ قارىۋىدى، بۇ پاتىگۈل سوۋغا قىلغان كەشتىلىك ياغلىق ئىكەن.

كەشتىلىمەك

  • كەشتىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كەشتە چىقارماق، كەشتە باسماق، كەشتە تىكمەك:[مىسال:] كەلدى تارىخنىڭ بېزەكلەپ بېتىنى، كەشتىلەپ زەرباپ بىلەن چەت-چېتىنى.

كەشكۈن

  • كەشكۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇۋاز بۆكىنى قايچا ياغاچ بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ياغاچ:[مىسال:] بويۇنتۇرۇق كەشكۈن يالاپ ئۇپراپ كېتىپتۇ.

كەشىپ

  • كەشىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تېپىش، ئىجاد، يارىتىش، بەرپا؛ ئېچىش:[مىسال:] كەشىپ قىلماق.

كەك

  • كەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆچ ئېلىش ئىستىكى، دۈشمەنلىك تۇيغۇسى، غۇم، ئاداۋەت، ئۆچمەنلىك:[مىسال:] كەك ساقلىماق. * كەك يوق تاماقتا، شەك يوق (ماقال).

كەكە

  • كەكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىغى دەستىسىگە ئورنىتىلىدىغان كىچىك تىپتىكى چېپىش، يونۇش قورالى:[مىسال:] ئالىم ئوقۇغۇچىلارنى كەتمەن ياكى كەكە ئەكېلىشكە بۇيرۇدى.

كەكرە

  • كەكرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يەر ئۈستى قىسمى دورا قىلىنىدۇ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش ۋە ئىششىقنى ياندۇرۇش روللىرىغا ئىگە.

كەكرىلىك

  • كەكرىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەكرە ئۆسكەن يەر، جاي.

كەكلىك

  • كەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. تېنى ئومۇمەن قوڭۇرراق كۈل رەڭ، ئىككى بېقىنىدا قارا ھەم زىغىر رەڭ توغرا يوللىرى بولىدۇ. تۇمشۇقى بىلەن پۇتى قىزىل، پەنجىسى قارا قوڭۇر كېلىدۇ، سايرايدۇ. ئادەتتە تاغ باغرى ۋە تىك يار ئارىلىقلىرىدا ياشايدۇ. گۆشى ئىستېمال قىلىنىدۇ.

كەكلىكۋاز

  • كەكلىكۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەكلىك بېقىش ۋە ئۇنى سوقۇشتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشى:[مىسال:] بەزىدە بۇ يەردە كەكلىكۋازلار پەيدا بولاتتى-دە، كەكلىك سوقۇشتۇرۇش باشلىنىپ كېتەتتى.

كەكىساقال

  • كەكىساقال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كەكە+ساقال[[يەشمىسى:] ① ئېڭەك قىرى قىرىۋېتىلىپ، پەقەت زاڭاق قىسمىغىلا قىسقىراق قىلىپ قويۇلغان ساقال:[مىسال:] يۈسۈپ تەيجى پەي ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، شالاڭراق كەلگەن كەكىساقىلىنى سىلىدى.[يەشمىسى:] ② شۇنداق ساقىلى بار كىشى:[مىسال:] ھەي كەكىساقال، دېدى بىر چېرىك ھاشىم ئاكىغا ۋارقىراپ، سېنى دەۋاتىمەن، بۇ ياققا كەل

كەڭ

  • كەڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئېنى، توغرىسى يوغان؛ ئەنلىك، توغرىلىق:[مىسال:] ئاش تەڭ، نان تەڭ، سول نېمىشقا كەڭ (ماقال).[يەشمىسى:] ② ھەجمى، سىغىمى، دائىرىسى چوڭ؛ ئۆلچىمى چوڭ، كاتتا بولغان:[مىسال:] كەڭ ئېتىز. كەڭ جاھان. كەڭ زېمىن. كەڭ ئەنلىك رەخت. كەڭ پەلتو. كەڭ كۆڭلەك.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەممىسىنى ياكى مۇتلەق كۆپچىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، نۇرغۇنلىغان، كۆپلىگەن:[مىسال:] بۇنداق ئەھۋاللار ئامېرىكىنىڭ كەڭ رايونلىرىدا ھېلىمۇ مەۋجۇت.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مول، تولۇق، نازۇنېمەتلەر بىلەن تولغان:[مىسال:] داستىخىنى زەپ كەڭ ئىكەن تاغ خەلقىنىڭ، مېھمېنىنى كۈتەر شۇنداق ئىززەت بىلەن.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېتەرلىك، تولۇق، كۆپ، زور:[مىسال:] يىراقتا «گەنسۇ» دەپ بىر جاي بار، چىنلەر «گەنسۇ» دەيدۇ. بىز تۈركلەر «كەڭ سۇ» دەيمىز. ئەسلى ئۇ جاينىڭ سۈيى كەڭ بولغانلىقتىن «كەڭ سۇ» دېگەن نام بىرىلگەن.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەر تەرەپلىمە، زور؛ مول، كۆپ ھەم مۇكەممەل، تولۇق ھەم ئەتراپلىق:[مىسال:] ئۇيغۇر فولكلورلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن ئىنتايىن كەڭ.[يەشمىسى:] ⑦ ئومۇميۈزلۈك، زور دائىرىلىك:[مىسال:] كەڭ مۇزاكىرە كۆپچىلىككە كۈچلۈك تەربىيە بولدى. * ئۇنىڭ نامى ئىشچىلار ئارىسىدا كەڭ تارقالدى.

كەڭ بۇلۇڭ

  • كەڭ بۇلۇڭ[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تىك بۇلۇڭدىن چوڭ، ئەمما يېيىق بۇلۇڭدىن كىچىك بولغان بۇلۇڭ.

كەڭ قورساق

  • كەڭ قورساق[يەشمىسى:] ئىچى تار ئەمەس، ئەپۇچان، باشقىلارنىڭ نامەردلىكلىرىنى كېچىرەلەيدىغان، مەرد:[مىسال:] سىز كەڭ قورساق ئالىم، ئۇنداق ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن پەرۋايىڭىز پەلەك، ئەلۋەتتە.

كەڭ قول

  • كەڭ قول[يەشمىسى:] مەرد، سېخىي، قولى ئوچۇق:[مىسال:] تۇرسۇننىڭ «كەڭ قول» كادىر ئىكەنلىكىنى ئۇ خېلى بۇرۇنلا بايقىغانىدى.

كەڭتاشا

  • كەڭتاشا[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئېھتىياجىدىن ئېشىپ قالغۇدەك دەرىجىدە، يېتەرلىك، مول:[مىسال:] بۇ يىل توك خېلى كەڭتاشا بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چوڭ، يوغان، ئازادە:[مىسال:] كىگىزنى مۇشۇ يەردە تىكىڭ، شتاب ئىچى كەڭتاشا، مەسلىھەت بەردى سوپىئاخۇن سوۋۇرۇۋ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۆز ئىختىيارىچە، ئۆزى خالىغان تەرىزدە، ئەركىن-ئازادە:[مىسال:] تاغدا كەڭتاشا يۈرۈپ ئۆگىنىپ قالغان خەق، بۇنىڭغا زادىلا كۆنەلمەيتتى.

كەڭتاشالىق

  • كەڭتاشالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېتەرلىك، مول، ئازادە بولغان ھالەت، ئازادىلىك، كەڭچىلىك.

كەڭچىلىك

  • كەڭچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئازادە، كەڭتاشا ھالەت، كەڭتاشالىق:[مىسال:] سودا بىلەن شۇغۇللىنىمەن دېسەڭ ھازىر كەڭچىلىك.[يەشمىسى:] ② جىنايەت ياكى خاتالىق ئۆتكۈزگەن كىشىلەرگە قارىتا، يېنىك جازا بېرىش ياكى ئۇلارنىڭ جازاسىنى يېنىكلىتىش:[مىسال:] كەڭچىلىك قىلماق.

كەڭرى

  • كەڭرى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چوڭ، يوغان، ئازادە، كەڭ:[مىسال:] كەڭرى قۇچىقى، بىلىم ئوچىقى، ئىلھام بۇلىقى، ئانا مەكتىپىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كۆپ، جىق، نۇرغۇن، يېتەرلىك، مول:[مىسال:] سۈندۈك دەيدۇ:[مىسال:] «ۋۇجۇدۇم، ۋەتەن ئۈچۈن يارالغان. شۇڭا مەندىن ھېكايەت ئەلگە كەڭرى تارالغان».

كەڭرىتمەك

  • كەڭرىتمەك[يەشمىسى:] «كەڭرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شىرەلەرنى بىر بۇلۇڭغىراق تارتىپ مەيداننى كەڭرىتەيلى.

كەڭرىتىشمەك

  • كەڭرىتىشمەك[يەشمىسى:] «كەڭرىتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۈلپەتلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، مەيداننى كەڭرىتىشتى.

كەڭرىتىلمەك

  • كەڭرىتىلمەك[يەشمىسى:] «كەڭرىتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆتكەندىكىگە قارىغاندا بىرئاز كەڭرىتىلگەن ئوخشىمامدۇ

كەڭرىچىلىك

  • كەڭرىچىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مولچىلىق، مەمۇرچىلىق:[مىسال:] ھازىر تۇرمۇش دېگەن كەڭرىچىلىك، نېمىنى ئارزۇ قىلسىڭىز شۇنى تاپالايسىز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ناھايىتى كۆپ، مول، نۇرغۇن، ئېھتىياجدىن ئاشقۇدەك دەرىجىدە:[مىسال:] ئاش دېگەن كەڭرىچىلىك بولۇپ كەتتى.

كەڭرىمەك

  • كەڭرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دائىرىسى، ھەجمى چوڭايماق، يوغىنىماق، كېڭەيمەك:[مىسال:] ئۇنىڭغا بۇ كىچىككىنە زېمىن بارغانسېرى كەڭرىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.[يەشمىسى:] ② كۆپەيمەك، جىقايماق، ئاشماق:[مىسال:] بۇ يىل دېھقانلارنىڭ ئاشلىقىمۇ خېلى كەڭرىپ قالدى.

كەڭ-كەڭرى

  • كەڭ-كەڭرى[يەشمىسى:] كەڭ-كۇشادە، كەڭتاشا:[مىسال:] بۇ يىل ئاشلىقىمىز كەڭ-كەڭرى يېتىدۇ.

كەڭ-كۇشادە

  • كەڭ-كۇشادە[يەشمىسى:] ① ئېشىپ-تېشىپ، كەڭتاشا، قىسىنچىلىقسىز:[مىسال:] بازار بېگىمنىڭ ئېيتىشىچە، زىياپەت ناھايىتى كەڭ-كۇشادە ئۆتكۈزۈلۈپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئەركىن-ئازادە، ئۆزى خالىغاندەك، ئىختىيارىي ھالدا، ئېچىلىپ-يېيىلىپ:[مىسال:] چاقچاق قىلمىسىلا، دېدى ھېلىقى كىشى، بىز كەڭ-كۇشادە ئولتۇرۇپ سودىلاشتۇق.[يەشمىسى:] ③ چوڭ، يوغان، ئازادە، كەڭ:[مىسال:] تاملىرى ئارقارتىلغان كەڭ-كۇشادە ئايۋان سۇپىسى كەسىپداشلار بىلەن تولغانىدى.

كەڭكى

  • كەڭكى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دانلىق زىرائەتلەرنىڭ چارىدىن كېيىنكى قالدۇق قىسمى.

كەڭلىك

  • كەڭلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كەڭ، ئازادە ھالەت، كەڭرىچىلىك:[مىسال:] كەڭلىك قىلماق.[يەشمىسى:] ② كەڭ كەتكەن بىر بۆلەك يەر، بوشلۇق:[مىسال:] سادىق دامبىنىڭ ئۈستىدە 400 — 500 مېتىر كەڭلىككە يېيىلىپ، يامراپ چۈشۈۋاتقان سۇدىن كېچىپ ئۆتۈپ كەتتى.[يەشمىسى:] ③ كۆندىلەڭ ئۆلچەم، ئەن:[مىسال:] بىركۈنى ئەپەندىم بازارغا كېتىپ بارسا، بىر توپ كىشىلەر ئۇنىڭدىن: ئەپەندىم، ئۇ دۇنيانىڭ كەڭلىكى قانچىلىكتۇ، دەپ سوراپتۇ.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] يەر شارى يۈزىدىكى شىمال بىلەن جەنۇب ئوتتۇرىسىدا بۆلۈنگەن ئارىلىق گرادۇسلىرى. ئېكۋاتوردىن جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپلارغىچە، ھەرقايسى 90 گرادۇسقا بۆلۈنىدۇ. شىمال تەرەپتىكىسى شىمالىي كەڭلىك، دېيىلىدۇ. ئېكۋاتورغا يېقىن بولغانلىرى تۆۋەن كەڭلىك؛ ئىككى قۇتۇپقا يېقىن بولغانلىرى يۇقىرى كەڭلىك دېيىلىدۇ. ئىككىسى ئارىسىدىكى 45 گرادۇس ئەتراپىدىكىسى ئوتتۇرا كەڭلىك دېيىلىدۇ. يەر يۈزىدىكى مەلۇم ئورۇندىن ئۆتكەن پاراللېل بىلەن ئېكۋاتور ئارىسىدىكى مەلۇم گرادۇس سانى شۇ ئورۇننىڭ كەڭلىكى بولىدۇ.

كەلپىغۇن

  • كەلپىغۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كەپەⅡ.

كەلتۈرمەك

  • كەلتۈرمەك[يەشمىسى:] ① «كەلمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھوي، ئابىدەمغۇ بۇ تونۇش ئاۋاز ئابىدەمنى ئېسىگە كەلتۈردى.[يەشمىسى:] ② بىر قىسىم تۇرغۇن سۆزلەرگە قوشۇلۇپ ئۇلارنى پېئىللاشتۇرىدۇ:[مىسال:] تارمار كەلتۈرمەك. بەجا كەلتۈرمەك.

كەلتۈرۈلمەك

  • كەلتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كەلتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تاماقتىن كېيىن قېنىق دەملەنگەن ئىسسىق چاي كەلتۈرۈلدى.

كەلدى-باردى

  • كەلدى-باردى[يەشمىسى:] «باردى-كەلدى»گە قاراڭ:[مىسال:] ئۇلارنىڭ كەلدى-باردىسى خېلى قويۇق ئىدى.

كەلدى-كەتتى

  • كەلدى-كەتتى[يەشمىسى:] ① ئۆزئارا كېلىپ-كېتىش، مۇناسىۋەت:[مىسال:] بۇ بوۋاي دۈينىڭ كەلدى-كەتتى، يۈگۈر-يېتىم ئىشلىرىنى قىلاتتى.[يەشمىسى:] ② «-لەر» قوشۇمچىسى بىلەن بىللە كېلىپ «كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغان كىشى، كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغانلار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئەختەر بولسا كەلدى-كەتتىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن بىزار ئىدى.

كەلسە-كەلمەس

  • كەلسە-كەلمەس[يەشمىسى:] قالايمىقان، تايىنى يوق، ئەرزىمەس، بولمىغۇر، مۇۋاپىق بولمىغان، ئورۇنسىز:[مىسال:] قىز بالا دېگەن ئۇنداق كەلسە-كەلمەس گەپلەرنى قىلمايدىغان

كەلكۈن

  • كەلكۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] قاتتىق ياغقان يامغۇر ياكى قار سۇلىرىنىڭ توپلىنىشىدىن ھاسىل بولىدىغان كۈچلۈك سۇ ئېقىمى، سەل، قىيان:[مىسال:] ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن، ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى. كۆز يېشىم كەلكۈن بولۇپ، بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى.

كەلگۈسى

  • كەلگۈسى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېلىدىغان زامان، بۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋر، ۋاقىت، چاغ؛ كېلەچەك:[مىسال:] قىزىمىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى بىزنى ئويلاندۇرماي قويمايتتى.

كەلگۈسىپەرەس

  • كەلگۈسىپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] كەلگۈسى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىش، كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش، كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىشكە قىزىقىدىغان ئادەم، شۇنداق قىلىشقا ھېرىسمەن كىشى.

كەلگۈسىشۇناس

  • كەلگۈسىشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىنسانلارنىڭ، دۇنيانىڭ، ئومۇمەن مەۋجۇداتنىڭ كەلگۈسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىم.

كەلگۈلۈك

  • كەلگۈلۈك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جۈملىدە ئاساسەن خەۋەر بولۇپ كېلىپ «كېلىش لازىم»، «كېلىش كېرەك» مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] «كېلىمەن» دەپ كەتكەندىكىن كەلگۈلۈك، دېدى بوۋاي ئوغلىغا كايىپ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقا كېلىدىغان مۈشكۈلچىلىك، ئېغىرچىلىق، كېلىشمەسلىك:[مىسال:] پۇلى بارلار پۇل بېرىپ قۇتۇلدى، ھەممە كەلگۈلۈك بىز كەمبەغەللەرگىلا كەلدى.

كەلگۈندى

  • كەلگۈندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقا جايلاردىن ئېقىپ كېلىپ قالغان، يۇرتىدىن ئايرىلىپ باشقا بىر يەرگە كېلىپ توختاپ قالغان كىشى:[مىسال:] ئۇ ئەجدادىدىن قالغان ئىززەت-ئابرۇيىنى بىر كەلگۈندىنىڭ رايى بىلەن خاراب قىلىۋاتاتتى.

كەلمەك

  • كەلمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مېڭىش، ئۇچۇش ياكى قاتناش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق سۆزلىگۈچى تۇرغان ياكى كۆرسەتكەن، ئېيتقان تەرەپكە، ئورۇنغا يېقىنلاشماق، يېتىپ بارماق، يەتمەك:[مىسال:] [مىسال:] ئۈجمە تۈگىگەندە سوپىسوپىياڭ كەپتۇ (ماقال). * قېرى كەلسە ئاشقا، ياش كەلسە ئىشقا (ماقال).[يەشمىسى:] ② بەلگىلەنگەن جايغا يېتىپ بارماق، ئادرېس بويىچە تاپشۇرۇلماق ياكى قارشى تەرەپنىڭ قولىغا تەگمەك (ئەۋەتىلگەن نەرسە ۋە تېلېفون، تېلېگرامما قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] بۈگۈن ئۇيغۇرچە گېزىتنىڭ يېڭى سانى كەلدى.[يەشمىسى:] ③ ئاڭلانماق، قۇلاققا كىرمەك، ئىشتىلمەك، بىلىنمەك (ئاۋاز، خەۋەر قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئەمدى ئۇخلاي دەپ تۇرسام، يىراقتىن بىرنەچچە ئادەمنىڭ سۆزلەشكەن ئاۋازى كەلدى.[يەشمىسى:] ④ سېزىلمەك، تۇيۇلماق، بىلىنمەك (پۇراق قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] بۈك-باراقسان باغلاردىن گۈپۈلدەپ كۈزلۈك ئالمىلارنىڭ پۇرىقى كېلەتتى.[يەشمىسى:] ⑤ باشلانماق، كىرمەك (پەسىل، مەۋسۇم، ۋاقىت ھەققىدە):[مىسال:] كۈنلەر ئۆتۈپ كۈن كەپتۇ، ھەپتە ئۆتۈپ، ئاي كەپتۇ.[يەشمىسى:] ⑥ توغرا تۇرماق، ئالغىلى ياكى ئالماشتۇرغىلى بولماق، ئېلىنماق:[مىسال:] ئۇ قارىسا ئاشقان پۇلىغا ئارانلا بىر نان كېلىدىكەن.[يەشمىسى:] ⑦ ھېس-تۇيغۇ ياكى ھالەتكە مۇناسىۋەتلىك بەزى سۆزلەر بىلەن كەلگەندە، شۇ سۆز بىلدۈرگەن ھېس-تۇيغۇ ياكى ھالەتنىڭ پەيدا بولۇشىنى بىلدۈرۈپ «پەيدا بولماق، قوزغالماق» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] دادامنىڭ قىلىقلىرىغا قاراپ ئاچچىقىم كېلەتتى.[يەشمىسى:] ⑧ يارالماق، پەيدا بولماق، مەۋجۇت بولماق، تۆرەلمەك، كۆرۈلمەك:[مىسال:] مەن ئالەمگە كېلىپ تېخى مۇنداق ئىشنى كۆرمىگەنىدىم.[يەشمىسى:] ⑨ «-غۇ، -قۇ، -گۈ، -كۈ» قوشۇمچىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ياسالغان ھەم شەخس (ئىگىلىك) كاتېگورىيىسىدە كەلگەن پېئىللار بىلەن بىرىككەندە، شۇ پېئىل بىلدۈرگەن ھەرىكەتنى ئورۇنداش ئىستىكىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، قوزغالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بولغانسېرى بولغۇسى كېلەر (ماقال). * مېنىڭ دائىم ئاچچىق نەرسىلەرنى يېگۈم كېلىدۇ.[يەشمىسى:] 01 نېسىپ بولماق، مەنسۇپ بولماق، قولغا چۈشمەك، ئىلكىگە، تەۋەلىكىگە ئۆتمەك:[مىسال:] بىزنىڭ غەلىبىمىز قان بەدىلىگە كەلدى.[يەشمىسى:] 11 بۇيرۇق پېئىل شەكلىدە تەكلىپ، چاقىرىق، دەۋەت ۋە قىستاش مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] قېنى كېلىڭلار، بۇرادەرلەر، ئازراقتىن ئىچىشىپ قويايلى. * بۇ ياققا كەل دەپ ۋارقىرىدى باي قوپاللىق بىلەن.[يەشمىسى:] 21 ھەجىم، ئۆلچەمنى بىلدۈرگەن سۆزلەردىن كېيىن «-ىدىغان، -گۈدەك» قوشۇمچىلىرى بىلەن كېلىپ، ئېيتىلىۋاتقان نەرسىنىڭ شۇ مىقدار سۆزلەر بىلدۈرگەن ھەجىم، ئۆلچەم ياكى مىقدارغا تەڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ كۆلدە ئۇزۇنلۇقى 15 گەز كېلىدىغان بىر سۇ ھايۋىنى بار ئىكەن. * ئۇ توقايلىقتا قويلىرىنى ئالدىغا سېلىپ، بىر ھارۋا كەلگۈدەك يانتاقنى يۈدۈپ كېتىۋاتقان قۇتلۇقنى كۆرگەنىدى.[يەشمىسى:] 31 يۆنىلىش كېلىشتە كەلگەن بىر قىسىم ئىسىم ياكى ئىسىم خاراكتېرىدىكى سۆزلەر بىلەن كېلىپ: 1) شۇ سۆز بىلدۈرگەن نەرسىنىڭ بايانىغا، تەپسىلاتىغا، ئىزاھىغا ياكى شۇ توغرىلىق مۇھاكىمىگە ئۆتۈشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۆزۈمگە كەلسەم، مەن ياقتۇرمايمەن. * ئەرز يېزىشقا كەلسەك، ئۇ بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق ئوينىغىنىدەك بىر ئىش.[يەشمىسى:] 2) شۇ سۆز بىلدۈرگەن ئۇقۇمغا، چۈشەنچىگە ئېرىشىشنى ياكى ئۇنى توغرا دەپ بىلىشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇلار بۇ مەسىلىدە ئورتاق پىكىرگە كەلگەنىدى.[يەشمىسى:] 41 چىقىش كېلىشتە كەلگەن شەخس ياكى جانلىق نەرسىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن كېلىپ، بىرەر ئىش-ھەرىكەتنىڭ شۇ سۆز بىلدۈرگەن شەخس ياكى نەرسە تەرىپىدىن بېجىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] قولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما (ماقال).[يەشمىسى:] 51 چىقىش كېلىشتە كەلگەن ئىسىملار بىلەن كېلىپ، ھەرىكەت ياكى سۆزنى ئەڭ ئاۋۋال شۇ ئىسىم بىلدۈرگەن نەرسە ياكى جايدىن، ئورۇندىن باشلاشنى ياكى شۇ نەرسە ئۈستىدە گەپلىشىش ياكى پاراڭلىشىشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] قېنى، ئاۋۋال ئاشتىن كېلەيلى.[يەشمىسى:] 61 بەلگە، خۇسۇسىيەتنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن كېلىپ، ئېيتىلغان نەرسىنىڭ شۇ بەلگە، خۇسۇسىيەتكە ئىگە ھالەتتە تۇرغانلىقىنى ياكى شۇنداق سۈپەتتە، شەكىلدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئالۋاستى بوش كەلگەننى باسىدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] 71 يۆنىلىش كېلىشتە تۈرلەنگەن مەلۇم بىر خاراكتېر ياكى ئالاھىدىلىك، تۇرق-ھالەتنى بىلدۈرىدىغان سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى بىلەن كېلىپ، ئېيتىلىۋاتقان نەرسىنىڭ شۇ ھالەت، شەكىلگە كىرگەنلىكىنى، ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ھەم ئاساسەن «كىرمەك» دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] كېيىك بىر يۇمىلىنىپلا گۈزەل قىز سىياقىغا كەپتۇ.[يەشمىسى:] 81 «لىق، باب، تار» قاتارلىق بەزى سۈپەتلەر بىلەن كېلىپ، بىرنەرسىنىڭ يەنە بىرنەرسە ئۈستىگە، ئىچىگە ياكى مەلۇم بىر ئورۇنغا شۇ سۈپەتتە جايلاشقانلىقىنى، ئورۇنلاشقانلىقىنى ياكى قويۇلغانلىقىنى، كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] ئىككى پارچە غۇلجا تەڭلىماتى پاكار سۇپىغا لىققىدە كەلگەنىدى.[يەشمىسى:] 91 بولماق («ماقۇل» سۆزى بىلەن كەلگەندە):[مىسال:] پاقىمۇ بۇ مەسلىھەتكە ماقۇل كەپتۇ.[يەشمىسى:] 02 مۇۋاپىقلاشماق، قاملاشماق، قولاشماق، ماسلاشماق:[مىسال:] تىلىڭ گەپكە كېلەمدۇ-يوق ۋارقىرىدى ئۇ غەزەپلىنىپ.[يەشمىسى:] 12 ئۇچرىماق، يولۇقماق، نامايان بولماق، پەيدا بولماق:[مىسال:] ئۇ ئالدىغا كەلگەن ئىشلارنى سېنىڭ، مېنىڭ دېمەستىن ئىشلەۋېرەتتى.[يەشمىسى:] 22 .[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئورۇنلاشماق، جايلاشماق، تۇرماق (جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ ئورنى ياكى رولى ھەققىدە):[مىسال:] «ئۇ بۈگۈن كەلدى» دېگەن جۈملىدىكى «ئۇ» سۆزى جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىپ ئىگە بولغان.[يەشمىسى:] 32 [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تۈرلەنمەك؛ بىرىكمەك، يانمۇيان تۇرماق:[مىسال:] «دۇنيانىڭ» دېگەن بۇ سۆز ئىگىلىك كېلىشتە كەلگەن.[يەشمىسى:] 42 داۋاملىشىپ مەلۇم نۇقتىغا يەتمەك، بارماق:[مىسال:] ئۇنىڭ خىيالى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۆيگە بىر كىشى كىرىپ كەلدى.[يەشمىسى:] 52 بەزى سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ پېئىللاشتۇرۇش رولىدا كېلىدۇ (بۇ چاغدا ئاساسەن «بولماق» مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ):[مىسال:] دۇچ كەلدى. يېقىن كەلدى. تەڭ كەلدى.[يەشمىسى:] 62 رەۋىشداشلار بىلەن بىرىكىپ ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئىزچىل ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىز سىلەرگە يېتەرسىزلىكلىرىڭلارنى تونۇۋېلىشىڭلار ئۈچۈن پۇرسەت بېرىپ كېلىۋاتىمىز.[يەشمىسى:] 72 بەزى سۈپەتتىن ياسالغان پېئىللارنىڭ رەۋىشداش شەكلىگە قوشۇلۇپ كېلىپ نەرسە ياكى ئىش-ھەرىكەتنىڭ شۇ رەۋىشداش ئىپادىلىگەن تەرزدە، يۆنىلىشتە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، تەدرىجىي ھالدا، ئەسلىي سۈپەت بىلدۈرگەن ھالەتكە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] خەلق تۇرمۇشى كۈنسېرى ياخشىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. * بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ئوبدانلىشىپ كېلىۋاتىدۇ.[يەشمىسى:] 82 «كىرىپ، چىقىپ» رەۋىشداشلىرى بىلەن كېلىپ، شۇ رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ تاسادىپىي، تۇيۇقسىز ھالدا، جىددىي تەرزدە يۈز بەرگەنلىكىنى ھەم تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئىككى تەرەپتىن قوشۇن تەڭلا چىقىپ كەلدى. * دەل شۇ چاغدا ياتاققا دۇرنەم بىلەن پەرھات كىرىپ كەلدى.

كېلىپ چىقماق

  • كېلىپ چىقماق[يەشمىسى:] ھاسىل بولماق؛ شەكىللەنمەك؛ پەيدا بولماق، تۆرەلمەك:[مىسال:] يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردىن ئادەم بەدىنىدە ھەر خىل كېسەللەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

كەلمەكلىك

  • كەلمەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېلىش، كېلىش ھالىتى:[مىسال:] كەلمەكلىك ئىرادە، كەتمەكلىك ئىجازەت (ماقال).

كەلىمە

  • كەلىمە[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۆز، گەپ؛ بايان ياكى تەپسىر، چۈشەندۈرۈش:[مىسال:] مۇسۇلمانچىلىقنىڭ قانداق يېرىدە شۇنداق كەلىمە بار ئىكەن[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن بىرىكىپ «سۆز، گەپ» قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ئالدىدا كەلگەندە «جۈملە، ئېغىز» دېگەندەك مىقدار مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئىجازەت بولسا ئىككى كەلىمە سۆزۈم بار ئىدى، دېدى ھېلىقى بوۋاي.

كەمⅠ

  • كەمⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كېرەكلىك چەكتىكىدىن ئاز، يېتىشمەيدىغان، ئازلىق قىلىدىغان، كۆپ ئەمەس، ئاز:[مىسال:] سۇ ھەر ئىككىلىسى ئۈچۈن كەم ئىدى.[يەشمىسى:] ② تولمىغان، تولۇقلانمىغان:[مىسال:] ئەتىگەندە ساتقان مالنىڭ كەم پۇلىنى تېخى ئالالمىدىم.[يەشمىسى:] ③ مەلۇم خىسلەت، قابىلىيەت جەھەتتە باشقىلاردىن تۆۋەن، ناچار، پەست:[مىسال:] ئۇنىڭ ئەقىل-ھوشى كەمرەك ئىكەن.[يەشمىسى:] ④ چولتا، تار دائىرىدە، يۈزە:[مىسال:] ئۇ ھەرگىز ئۇنداق كەم ئويلايدىغانلاردىن بولمىسا كېرەك.

كەم دېگەندە

  • كەم دېگەندە[يەشمىسى:] ھېچ بولمىغاندا، ئاز تۆۋەن ھېسابلىغاندىمۇ؛ ئاز، تۆۋەن دەپ قارىغاندا؛ ئەقەللىيسى:[مىسال:] «خىتابنامە» ئەڭ ئاۋۋال نېمىسچە نەشر قىلىندى، كېيىن يەنە گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدا، كەم دېگەندە نېمىسچە 12 قېتىم بېسىلدى.

كەم سۇندۇرماق

  • كەم سۇندۇرماق[يەشمىسى:] مەسخىرە قىلماق، زاڭلىق قىلماق، پەس كۆرمەك، كۆزىگە ئىلماسلىق:[مىسال:] سەن سېلىم ئاكىنى كەم سۇندۇرمىغىن ئانىكا، دېدى كىمدۇر بىرى.

كەمⅡ

  • كەمⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئۇ، بۇ، شۇ، نە» ئالماشلىرى بىلەن بىللە كېلىپ، «ۋاقىت، دەۋر، مەزگىل، چاغ، زامان» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئىلىشاھ بۇ كەملەردە ياش يىگىتتەك جۇشقۇن ۋە ناھايىتى خۇشال ئىدى. * ئۇ كەتكىلى نە كەم.

كەمەر

  • كەمەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كىيىم ئۈستىدىن بەلگە باغلايدىغان تاسما، بەلۋاغ.

كەمەك

  • كەمەك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاڭشىرى يوق، قاڭشارسىز، پاناق، بۇرۇن قاڭشىرى پەس:[مىسال:] كەمەك بۇرۇن. * ئۇ كەمەك بىر قىز ئىكەن، قانداقمۇ چىرايلىق بولسۇن[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شۇنداق ئادەم:[مىسال:] ھېلىقى كەمەكنى دەمسەن دېدى ئۇ قايتىلاپ سوراپ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىنتايىن ھىيلىگەر، ھەييار، ساختىپەز:[مىسال:] نى كەمەكلەر باركى ئالەمدە ئاجايىپ سېھىرگەر، نېمە ئۇ پەن ئالدىدا، پەندەك كارامەت قايدىدۇر.

كەمەك ھەييار

  • كەمەك ھەييار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلەردىكى ئىنتايىن ھىيلىگەر، ساختىپەز، سېھىرگەر، بىر پېرسوناژ:[مىسال:] سىز بىلىسىز، قۇدرەت دېگەن ھىيلىگەرلىكتە كەمەك ھەيياردىن قېلىشمايدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئالدامچى، سۇيىقەستچى، ھىيلىگەر، ئىپلاس كىشى:[مىسال:] بۇ ئىشتا جەزمەن بىرىنىڭ بىر كەمەك ھەييارنىڭ ئويۇنى بارغۇ، دەيمەن، دېدى ئالىم ئاكا مىيىقىدا كۈلۈپ.

كەمەلدۈرۈك

  • كەمەلدۈرۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داۋاندىن چىقىپ-چۈشۈشتە ئېگەر، مۆلە، چوم قاتارلىقلارنىڭ كەينىگە كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلاغنىڭ بوينىنىڭ تۆۋەنرەكىدىن تارتىپ قويىدىغان تاسما، كاشا ياكى ئارغامچا قاتارلىق نەرسە.

كەمەن

  • كەمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «سالماⅡ»گە قاراڭ:[مىسال:] كېچە يامان چۈش كۆرۈپ قاپتىمەن، تاشلانغۇدەكمىش بوينۇمغا كەمەن.

كەمبەغەل

  • كەمبەغەل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① تىرىكچىلىك قىلىش، ياشاش ئۈچۈن كېرەكلىك نەرسىلەرگە تولۇق ئىگە بولالمىغان؛ موھتاجلىقتا ياشىغۇچى، نامرات؛ باي ئەمەس:[مىسال:] مەن ئەسلىدە بىر كەمبەغەل ئادەم ئىدىم، بوۋاي ئازراق تىنىۋېلىپ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. ∥ بايدىن ئەمەلدار چىقسا، كەمبەغەلدىن دانا چىقار (ماقال).[يەشمىسى:] ② يۆنىلىش-كېلىشتە كەلگەن ئىسىملار بىلەن كېلىپ مەلۇم بىراۋنىڭ شۇ ئىسىم بىلدۈرگەن شەيئىگە قارىتا ئاجىز، ئىمكانسىز ھالەتتە ئىكەنلىكىنى، شۇ نەرسىگە تولۇق ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ سۆزگە تولىمۇ كەمبەغەل ئىكەن. * بۇ يىل يامغۇر ئاز ياغقاچقا بىز سۇغا سەل كەمبەغەل بولۇپ قالدۇق.

كەمبەغەلچىلىك

  • كەمبەغەلچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «كەمبەغەللىك»كە قاراڭ:[مىسال:] مېنىڭ ئۆمرۈم باشتىن-ئاخىر كەمبەغەلچىلىكتە ئۆتتى.

كەمبەغەللەشتۈرمەك

  • كەمبەغەللەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «كەمبەغەللەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ بالا خرويىن چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىپ، پۈتۈن ئائىلىسىنى كەمبەغەللەشتۈرۈۋەتتى.

كەمبەغەللەشتۈرۈشمەك

  • كەمبەغەللەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «كەمبەغەللەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كەمبەغەللەشتۈرۈلمەك

  • كەمبەغەللەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كەمبەغەللەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كەمبەغەللەشمەك

  • كەمبەغەللەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كەمبەغەل ھالەتكە چۈشۈپ قالماق، كەمبەغەل بولۇپ قالماق، كەمبەغەلگە ئايلانماق:[مىسال:] شۇنداق، دېدى ئۇ سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، 70 كۈنلۈك مۇھاسىرە بىلەن بىز بەكمۇ كەمبەغەللىشىپ كەتتۇق.

كەمبەغەللىك

  • كەمبەغەللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قول-ئىلكىدە يوقلۇق، نامراتلىق، گادايلىق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كەملىك، ئازلىق، ئىقتىدارى تۆۋەنلىك:[مىسال:] ئىلىم كەمبەغەللىكى. تىل كەمبەغەللىكى.

كەمپۈت

  • كەمپۈت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ بىر خىلى. كۆپىنچە مېۋە شىرنىسى، پۇراقلىق ماتېرىيال، سۈت ياكى قەھۋە قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، قاتۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ.

كەمپىر

  • كەمپىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قېرىغان ئايال، قېرى خوتۇن.

كەمتەر

  • كەمتەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ماختىنىشنى خالىمايدىغان، ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن تۇتىدىغان، تەكەببۇر ئەمەس:[مىسال:] كەمتەر ئادەم. ∥ كەمتەر بولماق.

كەمتەرانە

  • كەمتەرانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كەمتەرلىك بىلەن، كەمتەرلىك قىلىپ، ماختانماستىن، مەغرۇرلانماستىن:[مىسال:] شاھنىڭ كۆزى پەگاھتا كەمتەرانە ئولتۇرغان ئاپئاق ساقاللىق مۆمىن بوۋايغا چۈشۈپتۇ.

كەمتەرلىك

  • كەمتەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەمتەر كىشىلەرگە خاس، كەمتەر كىشىلەردە بولىدىغان بىر خىل خىسلەت، ئادەت:[مىسال:] شۇنداق، دېدى خوجىنىيازھاجى كەمتەرلىك بىلەن.

كەمتەرىن

  • كەمتەرىن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىنتايىن كەمتەر ھەم ئىتائەتمەن:[مىسال:] ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قىلىنغان بۇ كەمتەرىن ئادەم ئۈچۈن ئاشۇ ئانچىكى بىر ۋەدىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى.

كەمتۈك

  • كەمتۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىرەر چېتى، لېۋى ياكى ئۇچى سۇنغان؛ ئۈزۈلگەن، كېسىلگەن، پۇچۇلغان؛ بىرەر جاي ياكى بىرەر تەرىپى كەم:[مىسال:] ئۇنىڭ بىر قۇلىقى كەمتۈك بولۇپ ساقايدى.[يەشمىسى:] ② چالا، تولۇق ئەمەس؛ مۇكەممەل، راۋۇرۇس بولمىغان:[مىسال:] بەدىئىي ئەسەرلەردىمۇ كەمتۈك ئورۇنلار بولۇشى مۇمكىن.

كەمتۈكلەشتۈرمەك

  • كەمتۈكلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «كەمتۈكلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كەمتۈكلەشمەك

  • كەمتۈكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كەمتۈك ھالەتكە كېلىپ قالماق، كەمتۈك بولۇپ قالماق، چالا، كەم بولۇپ قالماق.

كەمتۈكلۈك

  • كەمتۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەملىك؛ ئاجىزلىق، نۇقسان:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشنىلا بىلىپ، كۆڭۈل ئېچىشنى بىلمىگەنلىكىنى ھاياتىدىكى بىر خىل كەمتۈكلۈك دەپ ھېس قىلدى.

كەمچەت

  • كەمچەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] دېڭىز قامىسى.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ھايۋاننىڭ تېرىسى. ناھايىتى قىممەت باھادا ئېلىپ سېتىلىدۇ:[مىسال:] كەمچەت تۇماق. كەمچەت ياقا.

كەمچەن

  • كەمچەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① گۈرۈچ، زىغىر، قاتارلىق دانلىق ئاشلىقلارنى كەملەيدىغان ئۆلچەش قاچىسى. شەكلى چارەككە ئوخشايدۇ. ئادەتتە ئون ئوچۇم بىر كەمچەن كېلىدۇ. «شىڭ» مۇ دېيىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئۆتمۈشتە جۇۋازچىلار باشقىلارنىڭ مايلىق دانلىرىنى تارتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، تارتىلىدىغان مايدىن مانجا ئالىدىغان ئۆلچەملىك قۇتا. ئادەتتە بىر جۇۋاز ئۈگۈت تارتسا بىر كەمچەن (ئىككى سەر) ماي ھەق ئالاتتى.

كەمچەنلەتمەك

  • كەمچەنلەتمەك[يەشمىسى:] «كەمچەنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كەمچەنلەشمەك

  • كەمچەنلەشمەك[يەشمىسى:] «كەمچەنلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كەمچەنلەنمەك

  • كەمچەنلەنمەك[يەشمىسى:] «كەمچەنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كەمچەنلىمەك

  • كەمچەنلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كەمچەن بىلەن كەملىمەك، ئۆلچىمەك.

كەمچىل

  • كەمچىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەم ئۇچرايدىغان، كەم تېپىلىدىغان، ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان، يېتىشمەيدىغان، جىق ئەمەس، ئاز، كەمدىن-كەم:[مىسال:] ئۇ چاغلاردا ئاپتوماتمۇ كەمچىل قوراللاردىن ھېسابلىناتتى.

كەمچىللىك

  • كەمچىللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئازلىق، قىسلىق؛ يېتىشمەسلىك:[مىسال:] ئۇ ئىچكىلى بولىدىغان سۇ كەمچىللىكىنىڭ جاپاسىنى تازا تارتتى.

كەمچىلىك

  • كەمچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەيىب، نۇقسان، سەۋەنلىك، خاتالىق:[مىسال:] سىز مېنى ئەپۇ قىلىڭ، كەمچىلىك مەندىن ئۆتتى.

كەمچىلىكسىز

  • كەمچىلىكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەمچىلىك يوق، ئەيىب-نۇقساندىن خالىي؛ سەۋەنلىك، خاتالىقلارنى سادىر قىلمىغان؛ ئەيىبسىز، نۇقسانسىز:[مىسال:] دۇنيادا كەمچىلىكسىز ئادەمنىڭ بولۇشى ھەقىقەتەن قىيىن گەپ.

كەمدىن-كەم

  • كەمدىن-كەم[يەشمىسى:] بەك ئاز، تولىمۇ ئاز، ئاندا-ساندا:[مىسال:] بۇ كۈنلەردە لۇتپۇللا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگىمۇ كەمدىن-كەم بارىدىغان بولدى.

كەمزۇل

  • كەمزۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① يازلىق پەلتو ئورنىدا كىيىلىدىغان ئەستەرسىز، يېنىك، ئۇزۇن ئۈست كىيىم.[يەشمىسى:] ② جىلىتكىگە ئوخشاش كالتە، يەڭسىز، ياقىسىز ئاياللار كىيىمى.

كەمزۇللۇق

  • كەمزۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كەمزۇلى بار، كەمزۇل كىيگەن:[مىسال:] ئۇ يەنە ئاستا پىچىرلىدى:[مىسال:] كۆك كەمزۇللۇق كىشى يۈزىڭىزنى كۆرۈپ قالمىسۇن، خەتەرلىك ئادەم.[يەشمىسى:] ② كەمزۇل تىكىشكە بولىدىغان، مۇۋاپىق كېلىدىغان؛ كەمزۇل تىكىشكە لايىق، خاس:[مىسال:] ئۇ بازاردىن ئانىسى ئۈچۈن بىر كەمزۇللۇق رەخت سېتىۋالدى.

كەمسىتمەك

  • كەمسىتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۆۋەن، پەست كۆرمەك؛ زاڭلىق قىلماق، مەسخىرە قىلماق:[مىسال:] بالام، دېدى ھەلىمە ئوغلىغا، قىز بالا دېگەن ئاجىز نېمە، سەن ئۇنداق سىڭىللىرىڭنى كەمسىتمە

كەمسىتىشمەك

  • كەمسىتىشمەك[يەشمىسى:] «كەمسىتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىز ھەممىمىز ئۇنىڭ مايلامچىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۇنى كەمسىتىشەتتۇق.

كەمسىتىلمەك

  • كەمسىتىلمەك[يەشمىسى:] «كەمسىتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەينى چاغدا ئۇلار ھەممىدىن بەك كەمسىتىلەتتى، ھەتتا ھايۋان قاتارىدا مۇئامىلە قىلىناتتى.

كەمشۈك

  • كەمشۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چىشى چۈشۈپ كەتكەن، كوماك:[مىسال:] شاۋاز كەمشۈك ئىدى.[يەشمىسى:] ② ئاستىنقى كالپۇكى ئۈستۈنكى كالپۇكىدىن ئۇزۇن:[مىسال:] كەمشۈك ئادەم. كەمشۈك بالا.

كەم-كۈتە

  • كەم-كۈتە[يەشمىسى:] يېتىشمەي، كەملىك قىلىپ تۇرغان، كەم بولۇۋاتقان نەرسىلەر:[مىسال:] تۇرمۇشنىڭ كەم-كۈتىلىرى تۈگىمەيدۇ.

كەم-كۈتىسىز

  • كەم-كۈتىسىز[يەشمىسى:] ھېچقانداق كېمى يوق، تولۇق، پۈتۈن:[مىسال:] ئۇنىڭ پۇتى ناكار بولغىنى بىلەن ئەقلى كەم-كۈتىسىز-دە

كەم-كۈسە

  • كەم-كۈسە[يەشمىسى:] «كەم-كۈتە»گە قاراڭ.

كەملەتمەكⅠ

  • كەملەتمەكⅠ[يەشمىسى:] «كەملىمەكⅠ»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كەلكۈن ئاپىتى بۇ يىلقى ھوسۇلنى جىق كەملىتىۋەتتى.

كەملەتمەكⅡ

  • كەملەتمەكⅡ[يەشمىسى:] «كەملىمەكⅡ»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئوغلىغا ئاشلىقنى كەملىتىپ تاغارلارغا قاچىلىتىۋېتىشنى تاپىلىدى.

كەملەشمەك

  • كەملەشمەك[يەشمىسى:] «كەملىمەكⅡ»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار نۆۋەت بويىچە ئۆزلىرىگە تەۋە ئاشلىقلارنى چارەكلەر بىلەن كەملىشىپ تاغارلىرىغا قاچىلىشىپتۇ.

كەملەنمەك

  • كەملەنمەك[يەشمىسى:] «كەملىمەكⅡ»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇغداي كەملىنىپ تاغارغا قاچىلانغاندا، بوۋاي كىرىپ كەلدى.

كەملىك

  • كەملىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئازلىق؛ يېتىشمەسلىك؛ تۆۋەنلىك:[مىسال:] ئىقتىدار جەھەتتە لاياقەتلىك ئەمەس دېگەندە، كەسپىي بىلىم ۋە كەسپىي ئىقتىدارنىڭ كەملىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.[يەشمىسى:] ② موھتاجلىق، ماددىي قىيىنچىلىق، يېتىشمەسلىك:[مىسال:] قولغا سۇ بېرەي دېسەم، بىرلا نەرسە كەملىك قىلىپ قالدى، دەپتۇ ئەپەندىم.

كەملىمەكⅠ

  • كەملىمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مىقدار، سان، ھەجىم ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش جەھەتلەردە ئەسلىدىكىدىن ئازىيىپ كەتمەك، كېمەيمەك، ئازايماق:[مىسال:] تاغاردىكى بۇغداي كەملەپ قاپتۇغۇ دېدى ئۇ گەپ ئارىسىدا تاغارغا قاراپ قويۇپ.[يەشمىسى:] ② پىلاندىكىگە ياكى بەلگىلەنگەن چەككە يېتىشمەي قالماق؛ كەم، ئاز بولۇپ قالماق:[مىسال:] خىمىيىۋى ئوغۇتقا پۇل كەملىدى، دېدى ئۇ ئاچچىقلانغاندەك.

كەملىمەكⅡ

  • كەملىمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇق ياكى ئاشلىق قاتارلىقلارنى كەمچەن، چارەككە ئوخشاش ئۆلچەش بۇيۇملىرى بىلەن ئۆلچىمەك:[مىسال:] بوۋاي ھاياجانلانغان ھالدا بۇغداينى كەملەپ تاغارغا قاچىلاۋاتاتتى.

كەمىنە

  • كەمىنە[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] باشقىلارغا بولغان ھۆرمەت، ئەدەپ ۋە كەمتەرلىك، كىچىك پېئىللىق يۈزىسىدىن «مەن»نىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان سۆز:[مىسال:] كەمىنە يەمەن شەھىرىدىن بولىمەن، دەپتۇ ھاتەم.

كەنە

  • كەنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] گىلەم توقۇش دۇكىنىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ياغاچ.

كەنت

  • كەنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] مەلۇم خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن شەھەر ھەمدە قىشلاقلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان، ئاھالە ياشايدىغان جاي.[يەشمىسى:] ② دېھقانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزىدىن كىچىك مەمۇرىي بىرلىك.

كەنجەر

  • كەنجەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىنجەك، جىلىتكە.

كەنجى

  • كەنجى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەرزەنتلەر ئىچىدىكى ئەڭ كېيىن تۇغۇلغىنى، ئەڭ ئاخىرقى پەرزەنت:[مىسال:] توختى ئاكامنىڭ كەنجىسى، 11 ياشلىق پەرىدە. بۇ يىل تۆتتە ئوقۇيدۇ، نومۇرى يۈز ھەممىدە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەممىدىن كىچىك، باشقىلىرىدىن كېيىن تۇغۇلغان:[مىسال:] سىيىت ئاكا كەنجى ئوغلىغا «تۇرسۇن» دەپ ئات قويۇپتۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەڭ كىچىك، ئەڭ كېيىن تۇغۇلغان (ھايۋانلار ھەققىدە):[مىسال:] كەنجى قارلىغاچ. كەنجى ئاسلان.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نىسبەتەن كېيىنرەك تېرىلىدىغان، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پىشىدىغان (تۈرلۈك زىرائەتلەر ھەققىدە):[مىسال:] كەنجى قوغۇن. كەنجى قوناق.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ياكى نۆۋەت، ئەڭ ئاخىرقى رەت:[مىسال:] تۇنجى قېتىم، ياق ئۇ كەنجىسى، كۈلۈمسىرەپ ۋىسال غۇنچىسى، بىز سۆزلەشتۇق ئۆتمەي بىر مىنۇت، باشقا تەگدى زالىم قامچىسى.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەرىجە، ئۇنۋان جەھەتتە تۆۋەن تۇرىدىغان، مەرتىۋىسى تۆۋەن، تۆۋەن دەرىجىلىك:[مىسال:] بىرپەستىن كېيىن كەنجى سەركەردە-سەرۋازلار ئىككى قاتارغا بۆلۈنگەن ھالدا كىرىپ كېلىشتى.

كەندىرⅠ

  • كەندىرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۈجمە ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تالالىرىدىن ئارغامچا ئېشىشكە بولىدۇ، ئۇرۇقىدىن ياغ تارتىلىدۇ، دورا قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئۈچەيلەرنى سىلىقلاش، تەرەت ماڭدۇرۇش رولىغا ئىگە.

كەندىر يېگەن خورازدەك

  • كەندىر يېگەن خورازدەك[يەشمىسى:] باشقىلارغا ھۆرپىيىپ ھەيۋە قىلغان، ۋارقىراپ-جارقىراپ پوپوزا قىلغانلىققا قارىتا ئېيتىلىدۇ.

كەندىرⅡ

  • كەندىرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سۇ چېچەك.

كەندىرسىمان

  • كەندىرسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەندىرگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان، كەندىر شەكلىدىكى:[مىسال:] ئۇلار دەسلەپ دەل-دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى ياكى كەندىرسىمان ئۇزۇن تالالىق ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قوۋزاقلىرىنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈپ، ئۇنى كىيىم شەكلىگە كىرگۈزۈشتى.

كەندىرلىك

  • كەندىرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەندىر كۆپ تېرىلغان، كەندىر ئۆسۈملۈكى بىلەن قاپلانغان يەر:[مىسال:] ئۇ كەندىرلىككە بېرىپ كۆرۈپ ئۈمىدلىنىپ قايتىپ كەپتۇ. ∥ كەندىرلىك ئېتىز.

كەھرىۋا

  • كەھرىۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] قەدىمكى قارىغاي يېلىمىنىڭ تاشقا ئايلانغان شەكلى. سۇس سېرىق رەڭلىك، قوڭۇر رەڭلىك ياكى قىزىل قوڭۇر رەڭلىك قاتتىق ماددا. ئىنتايىن چۈرۈك، يانغاندا يېقىملىق گاز پۇرىقى چىقىرىدۇ، سۈركىگەندە توك ھاسىل بولىدۇ.

كەۋرەك

  • كەۋرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىش، بەلغەم بوشىتىش رولىغا ئىگە.

كەۋزە

  • كەۋزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆي-ئىمارەت قۇرۇلۇشىدا ھاراق بىلەن پاراماننىڭ چېكىنى باستۇرىدىغان گارنىز.

كەۋسەر

  • كەۋسەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىسلام دىنى ئېتىقادى بويىچە جەننەتتىكى بىر كۆلنىڭ نامى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناھايىتى سۈزۈك، پاك ھەم مۇزدەك تاتلىق سۇ.

كەيپ

  • كەيپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① روھىي ھالەت، كەيپىيات، مىجەز:[مىسال:] كەلسىلە تەقسىر، بۈگۈن كەيپىياتلىرى نېمانچە سۇس دېدى ئۇ قۇربان ئاقساقالنى يېنىغا تەكلىپ قىلىپ. * مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە سورىدى تەيجى ياسىن قازىغا سەپسېلىپ قاراپ، كەيپىياتىڭىز باشقىچە كۆرۈنىدۇ-غۇ[يەشمىسى:] ② كىشىنىڭ بىرەر نەرسە ياكى ھادىسىدىن زوقلانغان، ھۇزۇرلانغان، راھەتلەنگەن روھىي ھالىتى؛ زوق:[مىسال:] بۇ يەرنىڭ ساپ ھاۋاسى كىشىگە ئۆزگىچە بىر خىل كەيپ ئاتا قىلاتتى.[يەشمىسى:] ③ مەست قىلغۇچى ئىچىملىك، چېكىملىك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ھالەت؛ مەستلىك:[مىسال:] ۋاڭ كۈنىگە ئىككى قېتىم ئەپيۈن چېكەتتى، كەيپ ئانچە ئۇزۇنغا سوزۇلمايتتى.

كەيپچىلىك

  • كەيپچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەيپ بولغان ھالەت، مەستلىك:[مىسال:] كەيپچىلىكتە دەپ ساپتىمەن ئاداش، دېدى ئۇ مەندىن ئەپۇ سورىغاندەك پەس ئاۋازدا.

كەيپ-ساپا

  • كەيپ-ساپا[يەشمىسى:] شاراپخورلۇق، يېيىش-ئىچىش ۋە شۇ قاتارلىقلار بىلەن كۆڭۈل ئېچىش، ھۇزۇر-ھالاۋەت:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇنداق كەيپ-ساپا سۈرىدىغان كۈنلىرىمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى.

كەيپسىز

  • كەيپسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىجەز-كەيپىياتى سۇس، روھىي ھالىتى تۆۋەن، غەمكىن، خاپا:[مىسال:] سۇپىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە ئولتۇرغان مەخسۇم دېگەن بىر يىگىت كەيپسىز ھالدا جىمجىت ئولتۇراتتى.

كەيپسىزلەندۈرمەك

  • كەيپسىزلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «كەيپسىزلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تەھلىل نەتىجىسى سېنى تازا كەيپسىزلەندۈرۈشى مۇمكىن.

كەيپسىزلەنمەك

  • كەيپسىزلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كەيپسىز ھالەتكە كەلمەك، كەيپى بۇزۇلماق:[مىسال:] ئەختەم كەيپسىزلەنگەن ھالدا ئايالىنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلدى.

كەيپسىزلىك

  • كەيپسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىجەز-كەيپىياتى سۇس، كەيپى يوق ياكى كەيپى تۆۋەن ھالەت:[مىسال:] بۈگۈنكى كەيپسىزلىكىمنى ئۇمۇ بايقىغانىدى.Ⅸ机?تۈرى: ، ، مەستلىك:[مىسال:] كۈچلۈك ھاياجان خۇددى ئىچىملىكتىن كېيىنكى كەيپلىككە ئوخشايدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كەيپ، مەست قىلىدىغان:[مىسال:] كەيپلىك ئىچىملىك. كەيپلىك چېكىملىك. * مەن ئەسلىدە كەيپلىك ئىشنى بىلمەيتتىم، كەيپ قىلغاننى زادى ئوبدان كۆرمەيتتىم.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زوق، ھۇزۇر بېغىشلايدىغان، كەيپىنى كۆتۈرىدىغان:[مىسال:] ئىككىسى بىرگە تاماق يېيىشىپتۇ، مەي ئىچىشىپتۇ. بىر-بىرلىرىگە مۇھەببىتى ئېشىپ كەيپلىك قارىشىشلار باشلىنىپتۇ.

كەيپىيات

  • كەيپىيات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① روھىي ھالەت؛ كەيپ:[مىسال:] كەيپىياتى ياخشى. كەيپىياتى بۇزۇلماق. كەيپىياتى ناچارلاشماق. * ئۇلار قىزغىن كەيپىياتتا تاماق يېيىشىپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئومۇمىي ۋەزىيەت، ئەھۋال، ھالەت:[مىسال:] شۇ كۈنى دەرسنىڭ كەيپىياتى ناھايىتىمۇ ناچار بولدى.

كەيلۈك

  • كەيلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كالا بىلەن قوتازنىڭ چېتىلىشىدىن تۇغۇلغان بىرىنچى ئەۋلاد ئارغۇن.

كەيمە

  • كەيمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشنىڭ پۈتۈن قىسمىنى ياكى مۇتلەق كۆپ قىسمىنى قاپلاپ كەتكەن، ھەممە يېرىنى بېسىپ بولغان:[مىسال:] كەيمە تاز.

كەين (كەينى)

  • كەين (كەينى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ يۈزىگە، ئالدى تەرىپىگە قارىمۇقارشى قىسمى؛ ئارقا تەرىپى، ئارقىسى:[مىسال:] قولنىڭ كەينى، تامنىڭ كەينى. * ماڭا يول باشلا، دېدى ئۇ، قىزىل تاغنىڭ كەينىنى كۆرىمەن.[يەشمىسى:] ② گەۋدىنىڭ كۆكرەك ۋە قورساققا نىسبەتەن ئارقا تەرىپى؛ گەۋدىنىڭ غول، بەل، كاسا قاتارلىق ئەزالار جايلاشقان تەرىپى:[مىسال:] كەينىڭنى قىلغىنە، دېدى ئۇ ماڭا چاپاننى كىيدۈرۈپ بولۇپ، يارىشىپتۇ.[يەشمىسى:] ③ ھايۋانلارنىڭ بېلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ساغرا ياكى قۇيرۇقىغىچە بولغان قىسمى، شۇ تەرىپى:[مىسال:] ئېشەكنىڭ كەينى پۇتى.[يەشمىسى:] ④ كەينىدە قالغان، بېسىپ ئۆتكەن يول؛ ئادەم ياكى نەرسە كەلگەن تەرەپ، ھەرىكەت يۆنەلگەن تەرەپنىڭ ئەكسى:[مىسال:] ئابابەكرى جاۋاب بەردى: تاش ئۆستەڭ تەرەپكە كەتتى، ئۇلارنىڭ كەينىدە نىياز ئاكام بار.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزى يوق يەر، ئۆزى يوق پەيت:[مىسال:] كەينىدىن كۈلمەك. * باشقىلارنىڭ كەينىدىن گەپ قىلغان ئادەم ئەڭ ئەخمەق ئادەمدۇر.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چوڭ تەرەت يولىنىڭ سىلىق ئاتىلىشى:[مىسال:] ئاغزىدىن كىرىپ، كەينىدىن چىقماق. * ئۆچكىنىڭ كەينى ئوچۇق تۇرۇپ، قوينى مازاق قىلىپتۇ (ماقال).

كەينىگە سىيمەك

  • كەينىگە سىيمەك[يەشمىسى:] بەرگەن ۋەدىسىدىن، قىلغان سۆزىدىن يېنىۋالماق:[مىسال:] ئەمدى كەينىگە سىيمەي، دېگىنى بويىچە ئىش قىلسۇن، دېدى ئۇ بىرئاز نارازى ھالدى.

كەينىنى قىلماق

  • كەينىنى قىلماق[يەشمىسى:] ① بىراۋغا ئارقا تەرىپىنى توغرىلىماق، ئارقىسىنى قىلماق:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزى ئېرىق بويىدا يول تەرەپكە كەينىنى قىلىپ ئولتۇرغان بىر يوچۇن ئادەمگە چۈشتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەتۈر قارىماق، يامان مۇئامىلىدە بولماق:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى تام قوشنا يېقىن بولسىمۇ، داۋۇت بىلەن پەرى ھەرقاچان ئۇلارغا كەينىنى قىلىپ يۈرەتتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئوڭ كەلمەي قالماق، تەتۈر كەلمەك:[مىسال:] بۇ قېتىم ئامەت بىزگە كەينىنى قىلغان ئوخشايدۇ، پايدىدىن جىق ئۈمىد يوق ئىدى.

كەينىچە

  • كەينىچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھەرىكەت يۆلىنىشىگە كەينىنى توغرىلاپ، ئارقىسىچە:[مىسال:] خىجىل بولغان سۇنۇر ئاستا-ئاستا كەينىچە مېڭىپ چىقىپ كەتتى.

كەينىچىلەپ

  • كەينىچىلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كەينىچە، كەينىنى توغرىلاپ، كەينىنى قىلىپ:[مىسال:] كەينىچىلەپ سۇ ئۈزمەك. كەينىچىلەپ ماڭماق.

كەينى-كەينىدىن

  • كەينى-كەينىدىن[يەشمىسى:] «ئارقا-ئارقىدىن»غا قاراڭ:[مىسال:] ئىچىمدىن خۇددى بىرنەرسە كەينى-كەينىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقاندەك، «ئۇھ» دەيتتىم.

كراخمال

  • كراخمال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. ئۇنىڭ مولېكۇلا فورمۇلىسى . ( C6H10O)n ئۇ رەڭسىز، شەكىلسىز ماددا بولۇپ، دانلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ دېنىدا كۆپرەك ساقلىنىدۇ، شۇنىڭدەك قىزىلچا ۋە ياڭيۇدا بولىدۇ، مۇھىم قەنتلىك ئوزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. سانائەتتە ھاراق، شېكەر قاتارلىقلارنى ئىشلەشتە خام ماتېرىيال قىلىنىدۇ.

كراخماللاتماق

  • كراخماللاتماق[يەشمىسى:] «كراخماللىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كراخماللانماق

  • كراخماللانماق[يەشمىسى:] «كراخماللىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كراخماللىق

  • كراخماللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە كراخمال كۆپ بولغان؛ تەركىبىگە كراخمال قوشۇلغان.

كراخماللىماق

  • كراخماللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] رەخت، كىيىم-كېچەك قاتارلىقلارنى كراخمال سۇيۇقلۇقىغا چىلاپ ياكى ئۇلارغا كراخمال سۇيۇقلۇقىنى پۈركۈپ قاتۇرماق، پەردازلىماق؛ پاتلىماق:[مىسال:] كىيىمنىڭ ياقىسىنى كراخماللىماق. رەختنى كراخماللىماق.

كران

  • كران[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] ئېغىر يۈك ۋە نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش ھەم يۆتكەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا.

كرانلىق

  • كرانلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كرانى بار، كىرانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان:[مىسال:] كرانلىق ماشىنا. كرانلىق ئاپتوموبىل.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كران بىلەن، كران ئارقىلىق:[مىسال:] كرانلىق قۇراشتۇرۇش.

كروزېرو

  • كروزېرو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرازىلىيىنىڭ پۇل بىرلىكى.

كرونا

  • كرونا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شىۋىتسىيە، دانىيە، ئىسلاندىيە ۋە نورۋىگىيىلەرنىڭ پۇل بىرلىكى.

كرېتىن

  • كرېتىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] قالقانسىمان بەزنىڭ كەملىكىدىن، ئورۇن يۆتكىشىدىن ياكى قالقانسىمان بەزنىڭ گورمون بىرىكتۈرۈشنىڭ كەم بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل كېسەللىك.

كرېدىت

  • كرېدىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ① ھېسابات دەپتىرىنىڭ ئوڭ تەرىپى. ئۇنىڭغا كېمەيگەن مەبلەغ، ئاشقان قەرز ۋە ئاشقان ساپ قىممەت قاتارلىقلار خاتىرىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② قەرزگە مال بېرىش، شۇنىڭدەك قەرزگە بېرىلگەن مال؛ قەرز.[يەشمىسى:] ③ مەلۇم خىراجەتلەر ئۈچۈن چىقىرىلغان پۇل، مەبلەغ.

كرېست

  • كرېست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① بىر-بىرىنى كېسىپ ئۆتكەن ئىككى سىزىق ياكى شۇ خىل شەكىلدىكى نەرسە:[مىسال:] كرېست شەكىللىك گۈل تاجى. كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] خرىستىئان دىنىنىڭ تېۋىنىش سىمۋولى بولغان شۇ خىل بەلگە.

كرىپتون

  • كرىپتون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] گاز ئېلېمېنت. ھاۋادىكى مىقدارى ئىنتايىن ئاز، x نۇرىنى سۈمۈرىدۇ. x نۇرىنىڭ ئېكران ماتېرىيالى قىلىنىدۇ ھەم لامپۇچكىلارنى تولدۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.

كرېيسېر

  • كرېيسېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گوللاندچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] توپ، مىناميوت، راكىتا، تورپېدا ۋە مىنالار بىلەن قوراللانغان چوڭ ۋە تېز يۈرەر ھەربىي پاراخوت.

كرىتىك

  • كرىتىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ① ئۆزگىرىش ھالىتىدە تۇرغان، ئۆزگىرىش ھالىتىدىكى؛ جىددىي پەيتتىكى.[يەشمىسى:] ② بىر خىل ھالەت ياكى فىزىكىلىق مىقداردىن يەنە بىر خىل ھالەت ياكى فىزىكىلىق مىقدارغا ئۆزگەرگەن:[مىسال:] كرىتىك بۇلۇڭ. كرىتىك بېسىم. كرىتىك تېمپېراتۇرا. كرىتىك نۇقتا.

كرىزىس

  • كرىزىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① بىردىن، توساتتىن يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش، قىيىن ۋە مۈشكۈل ئەھۋال؛ قىيىنچىلىق:[مىسال:] سىياسىي كرىزىس. ھۆكۈمەت كرىزىسى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>س ئىقتىساد<[يەشمىسى:] ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئوشۇقچىلىقى نەتىجىسىدە ئۇششاق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ سۇنۇشىغا، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قىسقىرىشىغا، ئىشسىزلىقنىڭ كۆپىيىشىگە ئېلىپ بارىدىغان ئېغىر مۈشكۈل ئەھۋال، بوھران:[مىسال:] سانائەت كرىزىسى. ئىقتىسادىي كرىزىس.

كرىستال

  • كرىستال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئاتوم، ئىئون ياكى مولېكۇلىلارنىڭ مۇئەييەن بوشلۇقتا تەرتىپلىك تىزىلىشىدىن ھاسىل بولغان قاتتىق ماددا. ئۇ تەرتىپلىك سىرتقى شەكىلگە ئىگە. مەسىلەن، ئاش تۇزى، كۋارتس، چىرىمتال ۋە زەمچە قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

كرىستالسىز

  • كرىستالسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كرىستالى يوق، كرىستالى بولمىغان.[يەشمىسى:] ② كىرىستال ھالىتىدە بولمىغان، كرىستاللانمىغان، كرىستال ئەمەس:[مىسال:] كرىستالسىز جىنس. كرىستالسىز ماددا.

كرىستاللانماق

  • كرىستاللانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كرىستال شەكلىگە كىرمەك، كرىستالغا ئايلانماق:[مىسال:] كرىستاللانغان ماددا.

كرىستاللوگرافىيە

  • كرىستاللوگرافىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] كرىستاللارنىڭ شەكىللىنىشى، ئۆزگىرىشى، تاشقى شەكلىنىڭ گېئومېتىرىيىلىك خۇسۇسىيىتى، خىمىيىلىك تەركىبى، ئىچكى قۇرۇلمىسى، فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

كرىستاللىق

  • كرىستاللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كرىستالى بار، كرىستالغا ئىگە.[يەشمىسى:] ② كرىستال ھالىتىدە بولغان، كرىستاللاشقان، كرىستال ھالىتىدىكى:[مىسال:] كرىستاللىق جىنس.

كرىستاللىنىش

  • كرىستاللىنىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ماددىلارنىڭ كرىستال ئەمەس ھالەتتىن كرىستال ھالەتكە ئايلىنىش جەريانى، يەنى كرىستالنىڭ شەكىللىنىش جەريانى. ئادەتتە ئۇ گازلاردىن كرىستاللىنىش، ئېرىتمىلەرنىڭ ئوشۇقچە تويۇنۇشىدىن كرىستاللىنىش، ئوتلۇق ئېرىتمىلەرنىڭ مۇزلىشىدىن كرىستاللىنىش كرىستال ئەمەس قاتتىق ماددىلاردىن كرىستاللىنىش قاتارلىق ئاساسىي شەكىللەردە بولىدۇ.

كرىئولىت

  • كرىئولىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. كاللەك ھالىتىدە بولۇپ، رەڭسىز ھەم سۈزۈك كېلىدۇ. بەزىدە ئاقۇچ كۈل رەڭ، ئاچ سېرىق ياكى ئاچ قىزىل رەڭلەردە ئۇچرايدۇ، پارقىراق كېلىدۇ. نۇر سۇندۇرۇشچانلىقى مۇزنىڭكىگە يېقىن كېلىدۇ. كۆپىنچە مېتاللورگىيە سانائىتى ۋە ئەينەك، فارفور بۇيۇملىرىنى ياساش ئىشلىرىدا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

كسانتوفىل

  • كسانتوفىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈك تېنىدىكى پىگمېنت. خلوروفىل بىلەن فوتوسىنتېز رولىنى ئۆتەشكە قاتنىشىدۇ.

كسېنوتىم

  • كسېنوتىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. تۆت. ياقلىق كرىستال سىستېمىسىدا بولۇپ، كرىستاللىرى چاسا تۈۋرۈك شەكلىدە ياكى قوش پىرامىدا شەكلىدە كېلىدۇ. قۇراشمىسى دانلىق ياكى كاللەك ھالىتىدە بولىدۇ. كۆپىنچە سېرىق، يېشىل، قوڭۇر ۋە قىزىل رەڭلەردە ئۇچرايدۇ. ئەينەك ۋە ماي پارقىراقلىقىغا ئىگە.

كسېنون

  • كسېنون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] گاز ئېلېمېنت. ئاتموسفېرادىكى مىقدارى ئىنتايىن ئاز. ئۇ بىر خىل ئىنېرتلىق ئېلېمېنت بولسىمۇ، ھازىر ئۇنىڭ كۆپ خىل بىرىكمىلىرى ئېلىنىدۇ. ئۇ ناھايىتى يۇقىرى بولغان نۇر تارقىتىش كۈچىگە ئىگە.

كلاپان

  • كلاپان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] تۈرلۈك ماشىنا ياكى مېخانزملارنىڭ ھاۋا، سۇيۇقلۇق، پار ياكى گاز يولىنى ئېچىپ-يېپىپ تۇرىدىغان قىسمى، قاپقىسى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] پۈۋلەپ چېلىنىدىغان مۇزىكا ئەسۋابلىرىنىڭ ئېچىلىپ-يېپىلىپ، ئاۋاز تونىنى ئۆزگەرتىدىغان پەردىسى، تىلى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] يۈرەكنىڭ قان يولىنى ئېچىپ-يېپىپ، پەقەت بىر تەرەپكىلا قان ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغان قىسمى:[مىسال:] يۈرەك كلاپانى.

كلارك

  • كلارك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] خىمىيىلىك ئېلېمېنتلارنىڭ يەر پوستىدىكى ئوتتۇرىچە مىقدارى، يەنى يەر پوستىدىكى ئېلېمېنتلارنىڭ تارىلىشى.

كلارنېت

  • كلارنېت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] بىر خىل دۇخوۋوي چالغۇ. قاتتىق ياغاچ ياكى سۇلياۋدىن ياسىلىدۇ. ئادەتتە ئېغىزى، كىچىك نەيچىسى، كاناي گەۋدىسى ۋە كانايدىن ئىبارەت تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئېغىزىغا لېپىر ئورنىتىلىدۇ.

كلاس

  • كلاس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ئوخشاش تىپتىكى جانلىقلارنىڭ ئۆزئارا ئوخشاشلىق خاراكتېرى ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بويىچە ئايرىلغان مەلۇم تۈركۈمى. مەسىلەن، مۇخ تىپىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مۇخلار كلاسى ۋە كاككۇكزىغىرى كلاسى دەپ بۆلۈنگىنىگە؛ ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار تىپىنىڭ بېلىقلار، قۇشلار ۋە سۈت ئەمگۈچىلەر كلاسى دەپ بۆلۈنگىنىگە ئوخشاش.

كلاسسىزم

  • كلاسسىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئەت ئويغىنىشىدىن كېيىن مەيدانغا چىققان بىر خىل ئەدەبىيات-سەنئەت پىكىر ئېقىمى.

كلاسسىفىكاتسىيە

  • كلاسسىفىكاتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] نەرسە ۋە ھادىسىلەرنى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ۋە خۇسۇسىيەتلىرىگە قاراپ تۈر، خىل، تۈركۈم ۋە شۇ قاتارلىقلارغا ئايرىش، تۈركۈملەش:[مىسال:] دۇنيا تىللىرىنىڭ كلاسسىفىكاتسىيىسى. ئۆسۈملۈكلەر كلاسسىفىكاتسىيىسى.

كلاسسىفىكاتسىيىلەنمەك

  • كلاسسىفىكاتسىيىلەنمەك[يەشمىسى:] «كلاسسىفىكاتسىيىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كلاسسىفىكاتسىيىلىمەك

  • كلاسسىفىكاتسىيىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نەرسە ۋە ھادىسىلەرنى ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرىگە قاراپ تۈر، خىل، تۈركۈم ۋە شۇ قاتارلىقلارغا ئايرىماق، بۆلمەك، تۈركۈملىمەك:[مىسال:] ھايۋانلارنى كلاسسىفىكاتسىيىلىمەك. تىللارنى كلاسسىفىكاتسىيىلىمەك. ئۆسۈملۈكلەرنى كلاسسىفىكاتسىيىلىمەك.

كلاسسىك

  • كلاسسىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① پەن، سەنئەت ۋە ئەدەبىيات ساھەلىرىنىڭ مەشھۇر بولغان ھەم شۇ ساھەدە باشقىلارغا نەمۇنە ياراتقان، ئېتىراپ قىلىنغان ئەربابى:[مىسال:] ماركىسىزم-لېنىنىزم كلاسسىكلىرى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كلاسسىكلىرى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كلاسسىكلار تەرىپىدىن يارىتىلغان، خەلقنىڭ ئىپتىخارىغا ئايلانغان، نەمۇنە بولىدىغان:[مىسال:] كلاسسىك ئەسەر. كلاسسىك ئەدەبىيات.

كلاۋىئاتور

  • كلاۋىئاتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] كۇنۇپكا تاختىسى.

كلاۋىش

  • كلاۋىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مالاۋى، زامبىيىلەرنىڭ پۇل بىرلىكى.

كلىنومېتىر

  • كلىنومېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] نەرسىنىڭ تىك ياكى يانتۇلۇقىنى ئۆلچەيدىغان سايمان.

كلىنىكا

  • كلىنىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] ئەسلىدە دوختۇرنىڭ ئۆزى قول تىقىپ كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشى ۋە ئۇنى داۋالىشى كۆزدە تۇتۇلاتتى. ھازىر ئومۇمەن داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ كەسپىي ئەمەلىيىتى كۆزدە تۇتۇلىدىغان بولدى.

كلىنىكىلىق

  • كلىنىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كلىنىكىغا ئائىت، كلىنىكىغا ئالاقىدار بولغان:[مىسال:] كلىنىكىلىق پاتولوگىيە. كلىنىكىلىق گېنېتىكا.

كوبالت

  • كوبالت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى . (Cobaltum)Co كۈل رەڭ كرىستال. فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى تۆمۈرگە بەك ئوخشايدۇ. ئالاھىدە پولات ۋە زىيادە ئىسسىقلىققا چىداملىق قېتىشما ياساشتا قوللىنىدۇ.

كوپ

  • كوپ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مەلۇم بىرنەرسە يەنە بىرنەرسىنىڭ ئىچىگە ياكى ئۈستىگە چۈشكەندە چىقىدىغان ئاۋاز.

كوپپىدە

  • كوپپىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «كوپ» قىلىپ، «كوپ» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئاينۇر ئاتقان ئالمىنى ئەركىن كوپپىدە تۇتۇۋالدى.

كوپتا

  • كوپتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئاياللارنىڭ بەلنىڭ ئۈستىگە كىيىدىغان قىسقا كۆڭلىكى:[مىسال:] ئاق كوپتا. * ئۇ ئۇچىسىغا يۇڭ كوپتا كىيىۋالغانىدى.

كوپۇش

  • كوپۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېڭىدىن ئايىغى چىققان بالىلارنىڭ بىر خىل ئاياغ كىيىمى.

كوپېرنىك

  • كوپېرنىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىلادىيە 1473-يىلدىن 1543-يىلغىچە ياشىغان پولشىنىڭ ئاسترونومىيە<ئالىمى، يەنى قۇياش مەركەز تەلىماتىنىڭ ياراتقۇچىسى. بۇ تەلىمات «كوپېرنىك سىستېمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ كوپېرنىكنىڭ: «يەر شارى ئۆز ئوقى بويىچە كۈندە بىر قېتىم، قۇياش ئەتراپىدا يىلدا بىر قېتىم ئايلىنىدۇ، باشقا سەييارىلەرمۇ ئۆز ئوربىتىسى بويىچە قۇياشنى مەركەز قىلىپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ» دەيدىغان قۇياش مەركەز تەلىماتى ئاساسىدىكى سەييارىلەر ھەرىكىتى سىستېمىسى.

كوپىراتسىيە

  • كوپىراتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ئورتاق نىشان ئۈچۈن بىرەر خىزمەت ۋە مەلۇم ۋەزىپىلەرنى بىرلىكتە ئورۇنداش.

كوپىراتسىيىلەشتۈرمەك

  • كوپىراتسىيىلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «كوپىراتسىيىلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ئىككى نىزامنامە پارتىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كوپىراتسىيىلەشتۈرۈش سىياسىتىنى توغرا گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.

كوپىراتسىيىلەشتۈرۈشمەك

  • كوپىراتسىيىلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «كوپىراتسىيىلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كوپىراتسىيىلەشتۈرۈلمەك

  • كوپىراتسىيىلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كوپىراتسىيىلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كوپىراتسىيىلەشمەك

  • كوپىراتسىيىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كوپىراتسىيە شەكلىدە بىرلەشمەك، كوپىراتسىيە يولىغا ماڭماق:[مىسال:] مەملىكەت مىقياسىدا كوپىراتسىيىلىشىش ھەرىكىتىنى ھەددىدىن ئارتۇق جىددىي يۈرگۈزۈۋەتكەچكە، دېھقانچىلىق زور دەرىجىدە چېكىنىپ كەتكەنىدى.

كوپىراتىپ

  • كوپىراتىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① تەمىنات-سودا كوپىراتىپى.[يەشمىسى:] ② تەمىنات-سودا كوپىراتىپنىڭ ماگىزىنى.

كوپىيە

  • كوپىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] ئەسەر ياكى يازما ماتېرىياللارنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى.

كوت

  • كوت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئېغىزنىڭ توختىماي سۆزلىشىگە قارىتىلىپ ئېيتىلىدۇ.

كوتا

  • كوتا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قىسقا، كالتە:[مىسال:] كۈندۈزى ماڭغان يىلاننىڭ ئۆمرى كوتا، كېچىسى يۈرگەن ئەرنىڭ ئۆمرى كوتا (ماقال).

كوتانگېنس

  • كوتانگېنس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭدا، خالىغان بىر تار بۇلۇڭغا قوشنا بولغان تەرەپنىڭ ئۇنىڭ قارشىسىدىكى تەرەپكە بولغان نىسبىتى شۇ تار بۇلۇڭنىڭ كوتانگېنىسى دېيىلىدۇ.

كوت-كوت

  • كوت-كوت[يەشمىسى:] توختىماستىن تولا سۆزلەيدىغان، ئورۇنسىز گەپنى تولا قىلىدىغان، غەيۋەتخور، پىتنىخور:[مىسال:] ئۇنىڭ تۇغۇتى كوت-كوت خوتۇنلارغا بولۇپ بەردى.

كوتۇلداتماق

  • كوتۇلداتماق[يەشمىسى:] «كوتۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنى تولا كوتۇلداتقۇچە تېزرەك يولغا سالە، دېدىم مەن ئاچچىق بىلەن.

كوتۇلداشماق

  • كوتۇلداشماق[يەشمىسى:] «كوتۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قولۇم-قوشنىلارمۇ راھىلەنى كۆرگىنىدە بىر-بىرىگە قارىشىپ كوتۇلدىشاتتى.

كوتۇلدىماق

  • كوتۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تولا گەپ قىلماق، تولا سۆزلىمەك:[مىسال:] ھۆرنىساخان نېمە قىلارىنى بىلمەي، ھويلا ئىچىدە ئۇ ياقتىن بۇ ياققا مېڭىپ كوتۇلدايتتى.

كوتىرناق

  • كوتىرناق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىر قېتىم چىقىپ كېتىپ قايتىدىن چىققان تىرناق.

كوتىنۇس

  • كوتىنۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] سىر دەرىخى ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكىللىك ياكى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك. كۈزدە قىزىرىدۇ. گۈلى تاق جىنسلىق ياكى قوش جىنسلىق، ئىككى خىل گۈلى بىر تۈپتە بىرگە بولىدۇ. مېۋىسى يۈرەك شەكىللىك. ياغىچى سېرىق، ئۇنىڭدىن سېرىق بوياق ئېلىنىدۇ.

كوچاⅠ

  • كوچاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئىككى تەرىپىگە قاتار ئۆيلەر سېلىنغان، كىشىلەر ۋە قاتناش قوراللىرى ماڭىدىغان يول.[يەشمىسى:] ② سىرت، تالا[مىسال:] (ئۆيگە نىسبەتەن):[مىسال:] كوچىدا قالماق. * ئۇنىڭ بىلەن خەيرلىشىپ كوچىغا چىقتىم.

كوچا ئاپتوبۇسى

  • كوچا ئاپتوبۇسى[يەشمىسى:] كوچىلار ئارا قاتناپ، ئادەم توشۇيدىغان ئاپتوبۇس.

كوچىغا چىقىپ قالماق

  • كوچىغا چىقىپ قالماق[يەشمىسى:] ئوچۇق-ئاشكارا ئەخلاقسىزلىق يولىغا ماڭماق (ئاياللار ھەققىدە):[مىسال:] مېنىڭ قىزىم باشقىلاردەك تېخى كوچىغا چىقىپ قالمىدى، سەل ئالدى-كەينىلىرىگە قاراپ سۆزلەشسىلە، دېدى پاتىمە ئايلا نارازى بولۇپ.

كوچاⅡ

  • كوچاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇغداي ياكى قوناقنى يۇيۇپ، گۆش، ياكى كاللا شورپىسىغا سېلىپ پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل تاماق.

كوچا-كوي

  • كوچا-كوي[يەشمىسى:] كوچا ۋە ئومۇمەن ئۆي سىرتىدىكى كىشىلەر يۈرىدىغان جايلار:[مىسال:] بىر ئايدىن بېرى كوچا-كويلاردا ئېقىپ يۈرگەن مىش-مىش خەۋەر ئاخىر راستقا ئايلاندى.

كوچىگار

  • كوچىگار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] پار قازانلىرىنىڭ ئوتخانىسىغا ئوت قالايدىغان ئىشچى:[مىسال:] پاراخوت كوچىگارى. پويىز كوچىگارى.

كوچىلاتماق

  • كوچىلاتماق[يەشمىسى:] «كوچىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئوت بېشىدا ئولتۇرۇپ، ئوت كوچىلاتقان قېرىلىق. كېلىن بىلەن بالىغا، ئۆچ كۆرسەتكەن قېرىلىق.

كوچىلاشتۇرماق

  • كوچىلاشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كوچىلاش ۋە شۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرنى قىلماق، بىر قۇر كوچىلاپ چىقماق، كوچىلىماق:[مىسال:] ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىش ئۈچۈن ماتورنى كوچىلاشتۇرۇشقا تۇتۇندۇم.

كوچىلاشماق

  • كوچىلاشماق[يەشمىسى:] «كوچىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شۇندىن بېرى قېرىنداشلار ئارا كوچىلىشىش باشلانغانمىش.

كوچىلانماق

  • كوچىلانماق[يەشمىسى:] «كوچىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كوچىلىماق

  • كوچىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قول ياكى شۇ خىلدىكى نەرسە بىلەن كولىماق، ئاختۇرماق:[مىسال:] يانچۇق كوچىلىماق. بۇرۇن كوچىلىماق.[يەشمىسى:] ② ئىنچىكىلىمەك، زىغىرلىماق:[مىسال:] يەنە كوچىلاپ سورىماقچى بولۇۋىدىم، دادام يول قويمىدى.[يەشمىسى:] ③ چىشلەپ تارتماق، ئاشكارىلىماق، ئاچماق:[مىسال:] ئوتنى كوچىلىساڭ ئۆچەر، قوشنىنى كوچىلىساڭ كۆچەر (ماقال). * ئۆلگەننىڭ ئەيىبىنى كوچىلىما (ماقال).

كوچىمۇكوچا

  • كوچىمۇكوچا[يەشمىسى:] كوچىدىن كوچىغا، كوچىلار ئارا:[مىسال:] ئەپەندىم ماقۇل بولۇپ، كوچىمۇكوچا ناخشا ئېيتىپ يۈرۈپتۇ.

كود

  • كود[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] تېلېگرامما ئەۋەتىشتە ئىشلىتىلىدىغان بەلگە. ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ: بىر خىلى، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئوخشىمىغان ئېلېكتر ئىپۇلىس (نۇقتا ۋە يۈز) بىلەن ھەر خىل بەلگىلەرنى تەشكىل قىلىش ئارقىلىق ھەرپ ۋە سانلارنى ئىپادىلەش بولۇپ، رىتىمسىز (تەكشى ئەمەس) كود دېيىلىدۇ؛ يەنە بىر خىلى، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئوخشاش، لېكىن توك يۆنىلىشى ئوخشىمايدىغان ياكى توكلۇق، توكسىز ئېلېكتر ئىمپۇلىس بىلەن ھەر خىل بەلگىلەرنى تەشكىل قىلىش بولۇپ تەكشى (رىتىملىق) كود دېيىلىدۇ.

كودەي

  • كودەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قومۇش.

كودېئىن

  • كودېئىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئەپيۈن تەركىبىدىن ئېلىنىدىغان بىئولوگىيىلىك ئىشقار. ئۇنىڭدىن ياسالغان دورىلارنى يۆتەل توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

كودىلوس

  • كودىلوس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يوپۇرماق تاشلايدىغان غوللۇق دەرەخ، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى يۇمىلاق ياكى تەتۈر تۇخۇمسىمانكېلىدۇ. ئاتىلىق گۈلى سارغۇچ، ئانىلىق گۈلى قىزىل بولىدۇ. يۇمىلاق، چۈرۈك مېۋىلەيدۇ. مېغىزىنى يېيىشكە بولىدۇ، ياغ تارتىشقىمۇ بولىدۇ.

كورⅠ

  • كورⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] سۇ قاتارلىق سۇيۇق نەرسىلەر ئېگىزدىن پەسكە چۈشكەندە، قۇيۇلغاندا، تۆكۈلگەندە چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] «كور» قىلىپ تۆكۈلمەك.

كورⅡ

  • كورⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كۆزى كۆرۈشتىن مەھرۇم بولغان، كۆزى كۆرمەيدىغان، قارىغۇ؛ سوقۇر:[مىسال:] كور ئادەم.[مىسال:] ∥ كورمۇ ھاسىسىنى بىر قېتىم يوقىتىدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق چۈشىنەلمەيدىغان، ئاڭسىز:[مىسال:] سىياسىي كور.

كورا

  • كورا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇ قاينىتىش، تاماق پىشۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس مېتالدىن ئىشلەنگەن، سىلىندىر شەكىللىك، ئىككى قۇلىقى، قاپقىقى بار ئۆي سايمىنى:[مىسال:] ئاليۇمىن كورا.

كوراچ

  • كوراچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قاتتىق، قېتىپ كەتكەن.

كورەك

  • كورەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېتىپ، پۈرۈلۈپ كەتكەن:[مىسال:] كونا كورەك جۇۋا.

كورپۇس

  • كورپۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① يۈرۈشلەشكەن ئىمارەت، بىنا:[مىسال:] ئۇلار 4-كورپۇستا ئولتۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] جۈن:[مىسال:] مىللىي ئارمىيە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5-كورپۇسى بولۇپ قايتا تەشكىل قىلىنغانىدى.

كورت

  • كورت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] قارتا ئويۇنىنىڭ بىر تۈرى:[مىسال:] كورت ئوينىماق.

كورتىزون

  • كورتىزون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمىدىن ئىبارەت بولغان بىر خىل دورا، مولېكۇلا فورمۇلىسى. C21H28O5 ئاق رەڭلىك كرىستال، يەنى بۆرەك ئۈستى بېزى گورمونلىرىدىن بىرى. رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى ۋە ئاق قان كېسىلى قاتارلىقلارنى داۋالاش رولىغا ئىگە.

كوردوبا

  • كوردوبا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نىكاراگۇئانىڭ پۇل بىرلىكى.

كوردىيېرىت

  • كوردىيېرىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. يانتۇ ياقلىق كرىستال سىستېمىسىغا كىرىدۇ. ساختا ئالتە ياقلىق، پرىزمىسىمان ئۆتۈشكەن ئۈچ تۇتاش كرىستاللىقلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. قۇراشمىسى ئادەتتە كاللەك ۋە دانىچىسىمان بولىدۇ. رەڭگى ئاچ يېشىل، سارغۇچ يېشىل، سۇس بىنەپشە رەڭ ياكى رەڭسىز كېلىدۇ. ئەينەك پارقىراقلىقىغا ئىگە.

كوررېكتور

  • كوررېكتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مەتبۇئاتچىلىق<[يەشمىسى:] ① بېسىلغان تېكىستتىكى ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىش:[مىسال:] كوررېكتور نۇسخىسى.[يەشمىسى:] ② بېسىلغان تېكىستنى ئەسلىي ئورىگىنالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى خاتالىقلارنى تۈزەتكۈچى مەتبەئە خادىمى:[مىسال:] زاۋۇت كوررېكتورى. نەشرىيات كوررېكتورى.

كوررېكتورلۇق

  • كوررېكتورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مەتبۇئاتچىلىق<[يەشمىسى:] بېسىلغان تېكىستتىكى خاتالىقلارنى ئوڭشاش، تۈزىتىش ئىشى، خىزمىتى:[مىسال:] كوررېكتورلۇق قىلماق.

كوررىدە

  • كوررىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «كور» قىلىپ، «كور» قىلغان ھالدا:[مىسال:] بالا چەينەكتىكى چاينى گىلەمگە كوررىدە تۆكۈۋەتتى.

كوررىدىل

  • كوررىدىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] يېڭى زىللاندىيىدىكى بىر جاينىڭ نامى. بۇجايدا «كوررىدىل قويى» دەپ ئاتىلىدىغان يېرىم ئىنچىكە يۇڭلۇق بىر خىل قوي يېتىشتۈرۈلگەن. چوڭ ياشلىق قوچقارلىرىنىڭ تىرىك ئېغىرلىقى 110 — 115 كىلوگرام، ساغلىقلىرىنىڭ 60 — 65 كىلوگرام كېلىدۇ. قوچقارلىرى 10 — 15 كىلوگرام، ساغلىقلىرى 5—6 كىلوگرام يۇڭ بېرىدۇ.

كور-كور

  • كور-كور[يەشمىسى:] «كورⅠ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] شۇ پەيتتە كور-كور قىلغان ئاۋاز رابىخان موماينىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتتى. ئۇ ئىتتىك قارىۋىدى سۇ چۆنەكتىن تېشىپ ئۈزۈم ئېرىقىغا كوركىراپ چۈشۈۋاتاتتى.

كوركىراتماق

  • كوركىراتماق[يەشمىسى:] «كوركىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ چېلەكتىكى سۇنى كۆچەتلەرگە كوركىرىتىپ قۇيۇۋاتاتتى.

كوركىراشماق

  • كوركىراشماق[يەشمىسى:] «كوركىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كوركىرام

  • كوركىرام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېگىزدىن سۇ چۈشىدىغان جاي:[مىسال:] ئەتراپ جىمجىت، يىراق بىر يەردىن كوركىرامغا چۈشۈۋاتقان بۇلاق سۈيىنىڭ شارىلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

كوركىرىما

  • كوركىرىما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شارقىراتما.

كوركىرىماق

  • كوركىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «كور» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «كور» قىلماق:[مىسال:] ئاسىم كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ، سۇ كوركىراپ چۈشۈۋاتقان ئېچىققا سەكرەپ چۈشتى.

كورلۇق

  • كورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كۆرمەسلىك، قارىغۇلۇق:[مىسال:] سېلىپ «مەن» نىڭ تارازىسىغا ناھەق ۋە ھەقىقەتنى، كۆمۈرگە «ئاق» سۈپەت بەرگەن كۆزۈمدىن كورلۇقۇم ئەلا.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاق-قارىنى، ياخشى-ياماننى پەرق ئېتەلمەسلىك؛ بىرەر نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى ياخشى چۈشىنەلمەسلىك:[مىسال:] بۇنداق ۋەزىيەتنى چۈشەنمەسلىك — قىپقىزىل سىياسىي كورلۇق.

كورنۇس

  • كورنۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كورنۇس دەرىخى ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. شارسىمان مېۋىسى قارا رەڭلىك. ئۇرۇقى قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئېلىنغان تكىلى ۋە سانائەتتە پايدىلانغىلىمۇ بولىدۇ. يوپۇرمىقىدىن كاشتان يېلىمى ئېلىنىدۇ.

كورنېت

  • كورنېت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] مىستىن ياسالغان بىر خىل دۇخوۋوي چالغۇ. قۇرۇلمىسى كاناي بىلەن ئوخشاش، ئەمما نەيچىسى ئۇنىڭدىن قىسقىراق كېلىدۇ. ئاۋازى يېقىملىق.

كوروپكا

  • كوروپكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كارتون قەغەزدىن ياسالغان كىچىك ساندۇقچە، قەغەز قۇتا:[مىسال:] ئۇ: سىزگە ھېيتلىق بۇ كۆڭلەكنى ئالغانىدىم، بولامدىكىن كۆرۈپ بېقىڭ، دەپ كوروپكىدىن كۆڭلەكنى ئېلىپ دادامغا سۇندى.

كورونوگراف

  • كورونوگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] قۇياش تاجىنى كۆزىتىدىغان بىر خىل ئەسۋاب.

كورۇفائېنا

  • كورۇفائېنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل بېلىق. تېنى ئۇزۇنچاق ھەم ياپىلاق، قارامتۇل، بېشى ئېگىز ھەم چوڭ، كۆزى كىچىك، دۈمبە پالاقچىسى ئىنتايىن ئۇزۇن، قۇيرۇق پالاقچىسىنىڭ ئاچىماقلىقى چوڭقۇر، دېڭىز-ئوكيانلاردا ياشايدۇ.

كورۇلداتماق

  • كورۇلداتماق[يەشمىسى:] «كۇرۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كورۇلدىماق

  • كورۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «كور-كور» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «كور-كور» قىلماق:[مىسال:] ئۇنىڭغا سېلىنغان ئۇرۇق خۇددى نودىن سۇ چۈشكەندەك كورۇلداپ چۈشۈپ، خالىغاندا تەڭشىگىلى بولمايتتى.

كورۇنا

  • كورۇنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چېخوسلوۋاكىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پۇل بىرلىكى.

كورىلۇس

  • كورىلۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قېيىن ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يۇمىلاق ياكى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك، ئاتىلىق گۈلى سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك، ئانىلىق گۈلى ئوچۇق قىزىل رەڭلىك بولىدۇ، قاتتىق مېۋىسى شار شەكىللىك، مېغىزىنى يېيىشكە بولىدۇ. يەنە ياغمۇ تارتىلىدۇ.

كوزا

  • كوزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماي، سۇ قاتارلىق سۇيۇق نەرسىلەرنى قاچىلاش ئۈچۈن ھېجىردىن ياسالغان قورساقلىق، بوغۇزى تار قاچا؛ كومزەك:[مىسال:] كوزا كۈندە سۇنماس، كۈنىدە سۇنار (ماقال). * لايدىن ياسىغان خام كوزا سۇغا چۈشسە ساق چىقماس (ماقال).

كوزا-كوزاڭ

  • كوزا-كوزاڭ[يەشمىسى:] كۆز-كۆز:[مىسال:] رىزىۋانمۇ كۆكرىكىدە جۇلالىنىپ تۇرغان ياقۇت كۆزلۈك مېدالىئوننى كوزا-كوزاڭ قىلغاندەك، ئايالىمنىڭ ئەتراپىدا پىرقىراپ يۈرەتتى.

كوزۇپ

  • كوزۇپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئاپتوموبىللارنىڭ ئادەم ئولتۇرىدىغان ياكى يۈك قاچىلايدىغان قىسمى.

كوزۇپلۇق

  • كوزۇپلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كوزۇپى بار، كوزۇپ ئورنىتىلغان:[مىسال:] ئەنۋەر پەس كوزۇپلۇق ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ كەلگەندە، كۈن ئولتۇرغانىدى.

كوزىچى

  • كوزىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كوزا ياسايدىغان ئۇستا ۋە ياكى كوزا ساتقۇچى كىشى.

كوزىر

  • كوزىر[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارتا ئويۇنىدىكى ئويۇن ئۇتقۇچى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان باشقا قارتىلاردىن كۈچلۈك، ئۇلارنى بېسىپ چۈشىدىغان قارتا، ئويۇن:[مىسال:] كوزىر چۈشمەك. كوزىر ئوينىماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈچلۈك، ھەممىنى يېڭىدىغان:[مىسال:] بۇ قىسىم دۈشمەننىڭ كوزىر قىسىملىرىدىن بىرى دەپ قارىلاتتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۈچلۈك، ھەممىنى ھەل قىلىدۇ دەپ ھېسابلانغان شەخس ياكى ئامال-چارە:[مىسال:] سىز تۆمۈر ئىسيانىنى تىنچ ئۇسۇل بىلەن باستۇرۇشتا مېنىڭ ئاخىرقى كۆزىرىم بولىسىز.

كوسⅠ

  • كوسⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىڭغىر، قىيسىق (رەخت ھەققىدە):[مىسال:] كوس يىرتىلغان رەخت.

كورت

  • كورت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] قارتا ئويۇنىنى نەرسىلەر سۇنغاندا، ئۈزۈلگەندە چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] كوس قىلىپ ئۈزۈلمەك.Ⅸ机?تۈرى: تت ناھايىتى ئاز ياكى پۈتۈنلەي چىقمايدىغان:[مىسال:] قاراپ تۇرۇپ ئانىي بولغان تاشماقنىڭ كوسا يۈزلىرى چويۇندەكلا كۆكىرىپ، غوجىنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ كەلدى. ∥ ئەخمەق بىلمەس ئېتىنىڭ ھارغىنىنى، كوسا بىلمەس ئۆزىنىڭ قېرىغىنىنى (ماقال).

كوساⅡ

  • كوساⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پۇتاق، يوپۇرماق ياكى چېچەك چىقىرىدىغان تۈگۈنچەك يېرى، بىخ.

كوساتماق

  • كوساتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تۇغماق، بوشانماق.

كوسپاڭ

  • كوسپاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قىسماق.

كوسسىدە

  • كوسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «كوس» قىلغان ھالدا، «كوس» قىلىپ:[مىسال:] كوسسىدە سۇنماق.

كوس-كوس

  • كوس-كوس[يەشمىسى:] «كوسⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

كوسموپولىتىزم

  • كوسموپولىتىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان بۇرژۇئازىيىنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش نىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر خىل ئەكسىيەتچىل نەزەرىيىسى، ئۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى «ۋاقتى ئۆتكەن ئوقۇم» بولۇپ قالدى دېگەننى تەشۋىق قىلىپ، «مىللىي چېگرىلارنى بىكار قىلىش»، ئاتالمىش «دۇنيا ھۆكۈمىتى» تەشكىل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

كوسۇغۇر

  • كوسۇغۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كوتكوت، تولا سۆزلەيدىغان.

كوسۇلداتماق

  • كوسۇلداتماق[يەشمىسى:] «كوسۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھاجى ئىشان كوسۇلدىتىپ بېدە چايناۋاتقان ئاتلارغا قاراپ قويۇپ، سەللىسىنى بېشىغا ئورىدى.

كوسۇلداشماق

  • كوسۇلداشماق[يەشمىسى:] «كوسۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كوسۇلدىماق

  • كوسۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «كوس-كوس» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «كوس-كوس» قىلماق.

كوسېكانس

  • كوسېكانس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭدا، يانتۇ تەرەپنىڭ خالىغان بىر تار بۇلۇڭنىڭ قارشىسىدىكى تەرەپكە بولغان نىسبىتى شۇ تار بۇلۇڭنىڭ كوسېكانىسى دېيىلىدۇ.

كوسىلىق

  • كوسىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ساقال-بۇرۇت يوق كوسا ھالەت:[مىسال:] پەقەت ئۇنىڭ كوسىلىقى سۆلىتىنى بۇزۇپ تۇراتتى.

كوسىنوس

  • كوسىنوس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭدا، خالىغان بىر تار بۇلۇڭغا قوشنا بولغان تەرەپنىڭ يانتۇ تەرەپكە بولغان نىسبىتى شۇ تار بۇلۇڭنىڭ كوسىنۇسى دېيىلىدۇ.

كوفېئىن

  • كوفېئىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، يەنى كافى ئىشقارى. كۆپىنچە قەھۋە ئۇرۇقى، چاي قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قوزغاتقۇچى دورىلار ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش دورىلىرىنى ياسىغىلى بولىدۇ.

كوكا

  • كوكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كوكا ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىك. گۈلى سارغۇچ يېشىل، مېۋىسى ئۈچكىلىك مېۋە. تروپىك بەلۋاغدىن چىقىدۇ. يوپۇرمىقىدىن ناركوز (ھوشسىزلاندۇرۇش) دورىسى ئاجرىتىپ ئېلىشقا بولىدۇ.

كوكات

  • كوكات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆكلەپ تۇرغان ئوت-چۆپ.

كوكاتلىق

  • كوكاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كوكات كۆپ ئۆسكەن جاي، ئورۇن.

كوكائىن

  • كوكائىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىسپانچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] تروپىك ئۆسۈملۈكىدىن ئېلىنىدىغان بىر خىل دورا. ئاق رەڭلىك كرىستال ھالىتىدىكى پاراشوك بولۇپ، قان تومۇرنى تارايتىش رولىغا ئىگە. ئۇنىڭدىن ناركوز قىلىش ئۈچۈن پايدىلانغىلىمۇ بولىدۇ.

كوكس

  • كوكس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل كۆپ تۆشۈكلۈك، ئىسسىقلىق تارقىتىش مىقدارى يۇقىرى بولغان قاتتىق يېقىلغۇ. ئىسلىق كۆمۈر مەھكەم ئېتىلگەن شەرت ئاستىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قىزدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىكى ئۇچۇشچان تەركىبلەر چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن ھاسىل بولىدۇ. ئادەتتە پولات تاۋلاشتا كۆپرەك قوللىنىلىدۇ.

كوكسلاندۇرماق

  • كوكسلاندۇرماق[يەشمىسى:] «كوكسلانماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كوكسلاندۇرۇلماق

  • كوكسلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «كوكسلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كوكسلانماق

  • كوكسلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كوكسقا ئايلانماق، كوكس ھالىتىگە كەلمەك.

كوكۇس

  • كوكۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىسپانچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① پالما ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. ئاساسىي غولى تىك ئۆسۈپ، شاخلانمايدۇ. ئېتىنىڭ رەڭگى ئاق، كۆپ سۇلۇق ۋە تەركىبىدە ماي بولىدۇ. ياش ۋاقىتىدا سۈيىنى ئۇسسۇلۇق ئورنىدا ئىچىشكە، پىشقاندا ئېتىنى خام يېيىشكە ياكى ئۇنىڭدىن ماي تارتىشقا بولىدۇ. سۈيىدىن ئادەتتە سوغۇق ئىچىملىك تەييارلىنىدۇ. ئوتتۇرا ھەم سىرتقى مېۋە شۆپۈكىنىڭ تالاسىدىن ئارقان ئېشىلىدۇ ياكى چوتكا ياسىلىدۇ. يوپۇرمىقىدىن بورا توقۇلىدۇ ياكى ئۇنى لاپاس ئۈستىگە يېپىشقا بولىدۇ. ئادەتتە «كوكۇس پالمىسى»، «كوكۇس ياڭىقى» دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

كوكۇلا

  • كوكۇلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] چاچ ياكى چاچ ئۆرۈمى:[مىسال:] قىز كۆزىنى يېپىۋالغان كوكۇلا چېچىنى قايرىپ تۈزەشتۈردى.

كوكۇلىلىق

  • كوكۇلىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كوكۇلىسى بار، كوكۇلا قويغان:[مىسال:] مەن بۇ سۈرەتنى سېنىڭ كوكۇلىلىق كىچىككىنە قىز ۋاقتىڭنى ئەسلەش ئۈچۈن بەزىدە دەپتەرگە سېلىۋالىمەن.

كوكۇنە

  • كوكۇنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تىرناق گۆشلىرىنىڭ يىرىڭلىشى، سەينەك.

كوكۇنچىلىق

  • كوكۇنچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۇششاق-چۈششەك خىزمەت؛ ئاۋارىچىلىك.

كوڭتەي

  • كوڭتەي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئىچى، ئوتتۇرىسى كاۋاك، ئىچى بوش، قۇرۇق.

كوڭكا

  • كوڭكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ماشىنا، ئاپتوموبىل.

كولاتماق

  • كولاتماق[يەشمىسى:] «كولىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] گۆر كولاتماق. ئورا كولاتماق.

كولاشتۇرماق

  • كولاشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كولىماق، كولاش ئىشىنى بېجىرمەك:[مىسال:] ئۇ يانچۇقلىرىنى كولاشتۇرۇپ يۈرۈپ ئۈچ سوم چىقاردى.

كولاشماق

  • كولاشماق[يەشمىسى:] «كولىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئالدىراپ-تېنەپ ئاكوپ كولاشتى.

كولانماق

  • كولانماق[يەشمىسى:] «كولىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] گەمىلەر بىر دۆڭنى چۆرىدىگەن ھالدا قاتار كولانغانىدى.

كولبا

  • كولبا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] خىمىيە تەجرىبىسىدە ئىشلىتىلىدىغان بوغۇزى ئۇزۇن، شار ياكى كونۇس شەكلىدىكى شېشە.

كولباسا

  • كولباسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئۈچەي ياكى سۈنئىي پىليونكىلارنىڭ ئىچىگە گۆش قىيمىسىنى تىقىپ تەييارلىنىدىغان يېمەكلىك:[مىسال:] ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كولباسا بىلەن بولكا يەيتتى.

كولخوز

  • كولخوز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى كوللېكتىپنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدىغان، كوللېكتىپ بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارىدىغان بىر خىل سوتسىيالىستىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلى.

كولخوزچى

  • كولخوزچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كولخوزدا ئىشلىگۈچى دېھقان، كولخوز ئەزاسى.

كولخوزلاشتۇرماق

  • كولخوزلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «كولخوزلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كولخوزلاشتۇرۇلماق

  • كولخوزلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «كولخوزلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كولخوزلاشماق

  • كولخوزلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كولخوز بولۇپ ئۇيۇشماق، كولخوز ھالىتىگە كەلمەك:[مىسال:] سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا يېزا ئىگىلىكى 1936-يىلغىچە ئاساسەن كولخوزلىشىپ بولغانىدى.

كولدۇر

  • كولدۇر[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاپاق قاتارلىق ئىچى كاۋاك نەرسىلەرنىڭ ئىچىگە ئۇششاق، قاتتىق نەرسىلەرنى سېلىپ سىلكىگەن ياكى ئۇرغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پەرق ئېتىش ئىقتىدارى كەم، كاللىسى ئانچە ئىشلىمەيدىغان، ئاسان ئالدىنىدىغان، ئەخمەق:[مىسال:] كولدۇر ئادەم.

كولدۇر-كولدۇر

  • كولدۇر-كولدۇر[يەشمىسى:] «كولدۇر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] كولدۇر-كولدۇر قىلغان ئاۋاز.

كولدۇرلاتماق

  • كولدۇرلاتماق[يەشمىسى:] «كولدۇرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كولدۇرمىلارنى كولدۇرلاتماق. ئادەمنى كولدۇرلاتماق.

كولدۇرلاشماق

  • كولدۇرلاشماق[يەشمىسى:] «كولدۇرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كولدۇرلىماق

  • كولدۇرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «كولدۇر» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «كولدۇر» قىلماق.[يەشمىسى:] ② ئالدانماق، ئەخمەق بولماق.

كولدۇرما

  • كولدۇرما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆگە، ئات، ئېشەك قاتارلىقلارغا ئاسىدىغان، تۇچتىن ياسىلىدىغان قوڭغۇراق.

كولدۇرمىلىق

  • كولدۇرمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كولدۇرمىسى بار، كولدۇرما ئېسىلغان:[مىسال:] كەڭ تاقىر سايدا كولدۇرمىلىق تۆگە كارۋىنى قاتار تىزىلىپ كەلمەكتە.

كولكاز

  • كولكاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چايانئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تۈگۈنەك غولىدا مول كراخمال بولىدۇ. ياڭيۇغا ئوخشاش ئىستېمال قىلىنىدۇ. جەنۇبىي ئۆلكىلەردىن كۆپ چىقىدۇ.

كوللاپىس

  • كوللاپىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] كۆپ مىقداردا قان ياكى سۇ يوقىتىش، زەھەرلىنىش ۋە يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئاغرىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەك ھەرىكىتى تۇيۇقسىز ئاجىزلاپ، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشى سۇسلىشىدىغان بىر خىل ھادىسە. بۇنىڭدا ئاساسلىقى بەدەن تېمپراتۇرىسى ۋە قان بېسىمى تۆۋەنلەش، تومۇرنىڭ سوقۇشى ئاستىلاش، سوغۇق تەر چىقىش، چىرايى سارغىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

كوللوزا

  • كوللوزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بىر خىل كاربون سۇ بىرىكمىسى. مىس ئاممىياك ئېرىتمىسىدە ئېرىمەي، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا چىرىتكۈچى ئاساس ئېرىتمىسىدە پارچىلىنىدۇ. ئادەتتە ئۇ قاداق پېتىكىدە بولىدۇ. قاداق پېتىكى غەلۋىرسىمان پلاستىنكا ياكى كالتسىيلىشىش دىۋارىدا شەكىللىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] تېرە، يوپۇرماق ياكى غول ئۈستىدىكىدەك ئۆسمە ياكى قاپارتقۇ ھالىتىدىكى بىر خىل قاتتىق ماددا.

كوللوزىلىق

  • كوللوزىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە ياكى ئىچىدە كوللوزا بولغان، كوللوزىغا ئىگە:[مىسال:] كوللوزىلىق تەنچە.

كوللوئىد

  • كوللوئىد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] كرىستاللانمايدىغان، سۇدا ئېرىتىلگەندە لايسىمان، قويۇق ئېرىتمە ھاسىل قىلىدىغان ماددا. مەسىلەن، يېلىم كراخمال، ئاقسىل قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

كوللېكتور

  • كوللېكتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئۆزگىرىشچان توك گېنېراتورىنىڭ ياكور ئوقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى مېتال ھالقا. ياكوردىكى كاتۇشكىنىڭ ئىككى بېشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۇ ئىككى ھالقىغا ئۇلىنىپ، ئېلېكتر چوتكىسى كوللېكتور بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، ھاسىل بولغان توكنى تارقىتىپ بېرىدۇ.

كوللېكتىپ

  • كوللېكتىپ[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم مەقسەتلەر ئۈچۈن ئۇيۇشقان كىشىلەر، كىشىلەر توپى:[مىسال:] سىنىپ كوللېكتىپى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپچىلىككە تەۋە، ئومۇمىي؛ كۆپچىلىك بىرلىكتە قىلىدىغان:[مىسال:] كوللېكتىپ ئىگىلىك. * تۈرمىنىڭ سول تەرىپىدە كوللېكتىپ كامېر بار ئىدى.

كوللېكتىپچىلىق

  • كوللېكتىپچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] شەخسىيەتسىز بولۇپ، ھەممىدە خەلق ئاممىسىنىڭ كوللېكتىپ مەنپەئىتىنى تۈپ چىقىش نۇقتىسى قىلىدىغان ئىدىيە.

كوللېكتىپلاشتۇرماق

  • كوللېكتىپلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «كوللېكتىپلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كوللېكتىپلاشتۇرۇلماق

  • كوللېكتىپلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «كوللېكتىپلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كوللېكتىپلاشماق

  • كوللېكتىپلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كوللېكتىپ بولۇپ ئۇيۇشماق، كوللېكتىپ ھالىتىگە كەلمەك:[مىسال:] ئۇ ئون يىل تۈگمەن باققان، كوللېكتىپلاشقاندىن كېيىن ئائىلە ئىشلىرى بىلەن بولغان.

كوللېكتىپلىق

  • كوللېكتىپلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كوللېكتىپ ھالەتتىكى، كوللېكتىپ روھ سىڭگەن:[مىسال:] خەلق ئۆرپ-ئادىتىنىڭ كوللېكتىپلىق خاراكتېرى بىلەن ئىجتىمائىي خۇسۇسىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تارىلىشىمۇ يۇرتداشلىق ئورتاقلىقىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان.

كوللېكتىۋىزم

  • كوللېكتىۋىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] «كوللېكتىپچىلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئۇنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى كوللېكتىۋىزم بىلەن كوممۇنىزم.

كوللېكتىۋىزملىق

  • كوللېكتىۋىزملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كوللېكتىۋىزمغا خاس، كوللىكتىۋىزمغا ئائىت:[مىسال:] كوللېكتىۋىزملىق نۇقتىئىنەزەر. كوللېكتىۋىزملىق كۆزقاراش.

كوللېگىيە

  • كوللېگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] بىرگە، بامەسلىھەت ئىش كۆرىدىغان، مەمۇرىي ئورگاننى تەشكىل قىلغۇچى رەھبىرىي خادىملار گۇرۇپپىسى:[مىسال:] سوت كوللېگىيىسى. رېداكسىيە كوللېگىيىسى.

كولون

  • كولون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سالۋادور، كوستارىكالارنىڭ پۇل بىرلىكى.

كولىغۇچ

  • كولىغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم نەرسىلەرنى كولايدىغان سايمان، قورال:[مىسال:] چىش كولىغۇچ. قۇلاق كولىغۇچ.

كولىما

  • كولىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كولىنىدىغان، كولاپ ئېلىنىدىغان:[مىسال:] كولىما ياڭاق.

كولىماق

  • كولىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① چوڭقۇر قىلىپ ئويماق، قازماق:[مىسال:] ئورا كولىماق. * ئورىنى كىم كولىسا، ئۆزى چۈشەر (ماقال). * سۇنىڭ قەدرىنى قۇدۇق كولىغان بىلەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىنچىكىلەپ، زىغىرلاپ سورىماق:[مىسال:] گەپ كولىماق.[يەشمىسى:] ③ ئاختۇرماق، كوچىلىماق:[مىسال:] ھاپىزئاخۇن چاپىنىنىڭ يانچۇقىنى يەنە كولىدى، بىراق موخوركا تۈگىگەنىدى.[يەشمىسى:] ④ ئاچماق، ئاشكارىلىماق:[مىسال:] خەقنىڭ ئەيىبىنى كولىماق.

كوم

  • كوم[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] يۇمشاق نەرسىلەرنى قاتتىقراق نەرسىلەر بىلەن ئۇرغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

كوماك

  • كوماك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىشى چۈشۈپ كەتكەن، چىشى يوق:[مىسال:] كوماك ئادەم. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چۈشۈپ كەتكەن چىشىنىڭ ئورنى:[مىسال:] كۈلكە بىلەن ئۇنىڭ قورۇق باسقان ئىككى جاۋىغىيى ئېچىلىپ، چىشىنىڭ كوماكلىرى كۆرۈنۈپ كەتتى.

كوماندا

  • كوماندا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① ئۇرۇش، مەشىق قاتارلىقلار داۋامىدا چۈشۈرۈلگەن ئاددىي، ئاغزاكى بۇيرۇق:[مىسال:] كوماندا بەرمەك. كوماندىغا بويسۇنماق.[يەشمىسى:] ② تەنتەربىيىنىڭ مەلۇم تۈرى بويىچە تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا:[مىسال:] ۋالىبول كوماندىسى. پۇتبول كوماندىسى. ئەرلەر كوماندىسى.

كوماندىر

  • كوماندىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ھەربىي قىسىم، ھەر خىل توپ كوماندىسى قاتارلىقلارنىڭ باشلىقى:[مىسال:] ئۇ باتاليون كوماندىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئالدىمىزغا كەلدى.

كوماندىرلىق

  • كوماندىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كوماندىرلار قىلىدىغان ئىش، ۋەزىپە.

كومبايىن

  • كومبايىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] زىرائەتلەرنى يىغىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئونىۋېرسال ماشىنا. بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە خىل ئىشلارنى قىلالايدۇ. مەسىلەن، دانلىق زىرائەتلەرنى يىغىۋېلىش كومبايىنى ئورۇش، دېنىنى ئايرىش، دېنى ۋە توپانلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلالايدۇ.

كومبايىنچى

  • كومبايىنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كومبايىن ھەيدەيدىغان كىشى، كومبايىن شوپۇرى.

كومپارتىيە

  • كومپارتىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كوممۇنىستىك پارتىيە.

كومپاس

  • كومپاس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] يۆنىلىش بەلگىلەيدىغان ئەسۋاب. ئادەتتە ئۇ يۆنىلىش گرادۇسلىرى چۈشۈرۈلگەن يۇمىلاق تەخسە ۋە دائىم شىمالنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان ماگنىتلىق تىلدىن تۈزۈلىدۇ.

كومپانىيە

  • كومپانىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] مەلۇم مەقسەتلەردە ئۇيۇشقان گۇرۇھ، ئۈلپەت، ئۈلپەتچىلىك:[مىسال:] ھازىردىن باشلاپ سىز بىزنىڭ كومپانىيىنىڭ ئەزاسى.

كومپرادور

  • كومپرادور[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىسپانچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكە دۆلەتلەردە چەت ئەل كاپىتالىستلىرىنىڭ ئورنىدا ئۆز دۆلىتىنىڭ بازارلىرىدا كارخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەم ئۇلارنىڭ تاۋارلىرىنى سېتىپ بېرىدىغان ۋاكالەتچى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇستەملىكە ھەم يېرىم مۇستەملىكە دۆلەتلەردە، جاھانگىرلىك بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن ھەمدە جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان:[مىسال:] كومپرادور بۇرژۇئازىيە.

كومپلېمېنت

  • كومپلېمېنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] ئانتېتىلالارنىڭ كېسەل مىكروبلىرىنى ئۆلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغان قان زەردابىدىكى خىمىيىۋى ماددا:[مىسال:] كومپلېمېنت سىستېمىسى.

كومپوزىتسىيە

  • كومپوزىتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىي ئەسەر، سەنئەت ئەسىرى قىسىملىرىنىڭ تۈزۈلۈشى، جايلىشىشى ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋىتى:[مىسال:] روماننىڭ كومپوزىتسىيىسى. ھېكايىنىڭ كومپوزىتسىيىسى.[يەشمىسى:] ② تەركىبىي قىسىملىرى مەنە جەھەتتىن ئۆزئارا باغلىنىپ بىرلىكنى ھاسىل قىلغان بەدىئىي ئەسەر، مۇزىكا ياكى رەسىم.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] مۇزىكا ئەسىرى يارىتىش نەزەرىيىسى.

كومپوزىتور

  • كومپوزىتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] مۇزىكا ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلغۇچى كىشى.

كومپوزىتورلۇق

  • كومپوزىتورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇزىكا ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] كومپوزىتورلۇق قىلماق.

كومپېنساتسىيە

  • كومپېنساتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] ئەزانىڭ مەلۇم بىر قىسمىدىكى توقۇلمىلاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەندە، ساغلام توقۇلمىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئورنىنى بېسىپ ئىشلەپ، مەزكۇر ئەزانى ئاجىزلاشتۇرماسلىق ئىقتىدارى. مەسىلەن، يۈرەك قاپقاقلىرىدا كېسەللىك پەيدا بولغاندا، يۈرەكنىڭ ھەرىكەت مىقدارى كۆپىيىپ كېتىپ، يۈرەكنىڭ ھەجمى يوغىناپ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا مەجبۇر بولغىنىغا ئوخشاش.

كومپيۇتېر

  • كومپيۇتېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] كۆپ مىقداردىكى ئارىفمىتېكىلىق ۋە لوگىكىلىق ھېسابلاشلارنى ئاپتوماتىك تېز سۈرئەتتە بىجىرىدىغان ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە بولۇپ، ئۇ ئېلېكترون لامپا؛ كرىستال لامپا قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئەسۋاب ۋە ئېلېمنتلاردىن تۈزۈلگەن مۇرەككەپ ماشىنا. ئۇ كىرگۈزۈلگەن سانلىق مەلۇمات ھەم ئۇچۇر ئۈستىدە ماتېماتىكىلىق ئەمەللەرنى ئىنتايىن توغرا بېجىرەلەيدۇ. قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، پەن تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ يەنە «ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى» ياكى «ئېلېكترونلۇق مېڭە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

كومزەك

  • كومزەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاراق، ئاچچىقسۇ، جاڭيۇ قاتارلىقلار قاچىلىنىدىغان ئاغزى كىچىك، قورسىقى چوڭ ساپال قاچا:[مىسال:] دېھقان شۇنداق قارىسا، قوشنىڭ ئىزىدا يوغان بىر كومزەك تۇرغۇدەك.

كومسومول

  • كومسومول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى.

كومشار

  • كومشار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئېغىزنىڭ سىرتقى بوشلۇق ئەتراپى:[مىسال:] يىگىت نەمەتنىڭ كومشىرىغا بىر مۇشت ئاتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پەمسىز، ئىش قاملاشتۇرالمايدىغان، لەقۋا:[مىسال:] تازا كومشار بىرنېمە ئىكەن-دە...

كومشايتماق

  • كومشايتماق[يەشمىسى:] «كومشايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كومشايماق

  • كومشايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سولاشماق، بوشاشماق، لەلەڭشىمەك:[مىسال:] ئۇلار نەشىنى چېكىۋېرىپ ھېلىلا كومشىيىدۇ.

كوم-كوم

  • كوم-كوم[يەشمىسى:] «كوم» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

كوم-كومچى

  • كوم-كومچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۇختا، سىلىق ئىش قىلماي، قولدىن ئۆتۈشىگىلا ئىش قىلىدىغان ئادەم (كۆپرەك ھۈنەرۋەنلەر ھەققىدە):[مىسال:] ئۇ تازا بىر كوم-كومچى، بۇ كىيىمنى ئۇنىڭغا بەرمەيلى، دېدى ئاپام مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ.

كوممۇنا

  • كوممۇنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① باشلانغۇچ جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئورتاق ئىستېمال قىلىش ئاساسىدا بىرلەشكەن مەلۇم توپى، جامائەسى. ئۇ سىنىپىي جەمئىيەتتىمۇ خېلى ئۇزۇنغىچە ساقلىنىپ تۇرغان. مەسىلەن، ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىغا ئوخشاش.[يەشمىسى:] ② پرولېتارىيات ھاكىمىيىتىنىڭ بىر خىل شەكلى. فرانسىيىدە 1871-يىلى پارىژ كوممۇنىسى قۇرۇلغان.[يەشمىسى:] ③ خەلق گوڭشېسى:[مىسال:] پەرھات چولپانخان ئانىنى كوممۇنا دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتتى.

كوممۇنىزم

  • كوممۇنىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ① پرولېتارىياتنىڭ پۈتكۈل ئىدىيە سىستېمىسى.[يەشمىسى:] ② ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ غايىۋى ئىجتىمائىي تۈزۈمى. ئۇ تەرەققىيات جەريانىدا ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. دەسلەپكى باسقۇچى سوتسىيالىزم، يۇقىرى باسقۇچى كوممۇنىزمدۇر. ئادەتتە دېيىلىۋاتقان كوممۇنىزم ئۇنىڭ يۇقىرى باسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، ئىجتىمائىي مەھسۇلاتلار ئىنتايىن موللاشقان، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى ئاڭلىقلىقى يۈكسەك دەرىجىدە ئۆسكەن، ئەمگەك تۇرمۇشنىڭ بىرىنچى ئېھتىياجىغا ئايلانغان، ئۈچ چوڭ پەرق يوقىتىلغان، كوممۇنىستىك ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئورنىتىلغان ۋە ھەركىم قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەش، ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ھەق بېرىش پرىنسىپى يولغا قويۇلغان بولىدۇ.

كوممۇنىزمچى

  • كوممۇنىزمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كوممۇنىزم ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى، كوممۇنىزم قۇرۇش تەرەپدارى.

كوممۇنىزملىق

  • كوممۇنىزملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كوممۇنىزمغا خاس، كوممۇنىزمغا ئائىت:[مىسال:] كوممۇنىزملىق دۇنيا قاراش. كوممۇنىزملىق ئەخلاق. كوممۇنىزملىق روھ.

كوممۇنىست

  • كوممۇنىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى.

كوممۇنىستىك

  • كوممۇنىستىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كوممۇنىزمغا ئائىت، كوممۇنىزم غايىسى بىلەن سۇغىرىلغان:[مىسال:] كوممۇنىستىك پارتىيە. كوممۇنىستىك ئەخلاق. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى.

كوممۇنىستلارچە

  • كوممۇنىستلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كوممۇنىستلارغا خاس، كوممۇنىستلارغا ئوخشاش:[مىسال:] «بولدى، كوممۇنىستلارچە سۆزلىشەيلى» دەيتتى ئۇ.

كوممىدە

  • كوممىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «كوم» قىلغان ھالدا، «كوم» قىلىپ:[مىسال:] رەسول ئىمام تۆمۈرچىنىڭ قوچىقىغا كوممىدە تاشلاندى.

كومورو

  • كومورو[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] كومورو ئىسلام فىدراتىپ جۇمھۇرىيىتى ئافرىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىر توپ يانار تاغ ئاراللىرىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 2235 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. فرانسۇز، ئەرەب تىللىرى ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ مۇتلەك كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

كومۇلداتماق

  • كومۇلداتماق[يەشمىسى:] «كومىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كومۇلدىماق

  • كومۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «كوم-كوم»قىلغان ئاۋاز چىقارماق، پەيدا قىلماق.

كومېتا

  • كومېتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز. ئۇ قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەتلىنىدىغان بىر خىل يۇلتۇز، ئارقا تەرىپىدە بىر ئۇزۇن قۇيرۇقى بولىدۇ. بۇ يۇلتۇزنىڭ ھەجمى چوڭ بولۇپ زىچلىقى بەك كىچىك. ھەرىكەتلىنىش ئوربېتىسى ئادەتتە ياپىلاق ئېللىپس شەكىللىك ياكى قوش ئەگرى سىزىقلىق شەكىللەردە بولىدۇ.

كومېدىيە

  • كومېدىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] تۇرمۇشتىكى سەلبىي ھادىسىلەر ۋە شەخسلەر مازاق قىلىنىدىغان كۈلكىلىك سەھنە ئەسىرى.

كومېدىيىلىك

  • كومېدىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كومېدىيە تۈسىنى ئالغان:[مىسال:] كومېدىيىلىك ئوپېرا.

كومىتېت

  • كومىتېت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① سىياسىي پارتىيە، تەشكىلات، ئورگان ۋە مەكتەپ قاتارلىقلاردىكى رەھبەرلىك كوللېكتىپى ياكى شۇنداق ئورگان:[مىسال:] جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى. تەنتەربىيە كومىتېتى.[يەشمىسى:] ② ئورگان، تەشكىلات، مەكتەپ قاتارلىقلاردىكى مەلۇم ۋەزىپىنى ئورۇنداش مەقسىتىدە قۇرۇلغان مەخسۇس ئاپپارات:[مىسال:] ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى.

كومىسسار

  • كومىسسار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئارمىيىدىكى ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتى كوماندىر بىلەن باراۋەر بولغان ئالاھىدە ۋەكىلى:[مىسال:] سىياسىي كومىسسار.

كومىسسارىيات

  • كومىسسارىيات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كومىسسار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بىر قاتار دۆلەت مۇئەسسەسەلىرى ۋە مەمۇرىي مۇئەسسەسەلىرىنىڭ نامى.

كومىسسىيە

  • كومىسسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ۋەزىپىنى بېجىرىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا:[مىسال:] ئىمتىھان كومىسسىيىسى.[يەشمىسى:] ② شۇنداق گۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى:[مىسال:] قادىر مۇئەللىم فىزىكا ئىمتىھانىغا كومىسسىيە بولۇپ كىردى.

كومىسسىيون

  • كومىسسىيون[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىدىغان:[مىسال:] كومىسسىيون ماگىزىن. كومىسسىيون دۇكان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىدىغان دۇكان، ماگىزىن:[مىسال:] ئۇ رەڭلىك تېلېۋىزورنى كومىسسىيونغا قويدى.

كونا

  • كونا[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشلىتىپ، كۆپ تۇتۇلۇپ كاردىن چىققان؛ سۈپىتى بۇزۇلغان، ئەسكى، ئەسكىرىگەن:[مىسال:] كونا چاپان. كونا ئىشتان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇرۇنقى، ئىلگىرىكى:[مىسال:] چاپاننىڭ يېڭىسى ياخشى، دوستنىڭ كونىسى (ماقال). * مەن سىزنى ھېلىقى كونا جايدا ساقلىغىلى نەچچە كۈن بولدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇزۇندىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، ئۇزۇندىن بار بولغان، ئەنئەنىۋى:[مىسال:] كونا ئادەت. كونا ئۇسۇل.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىستېمالدىن قالغان، بىكار قىلىنغان:[مىسال:] كونا پۇل. كونا يېزىق.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پېشقەدەم:[مىسال:] كونا ئىشچى.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆپلۈك قوشۇمچىسى «لار» بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، «بىزدىن بۇرۇن ئۆتكەن، ياشىغان كىشىلەر، بىزدىن بۇرۇنقى ئەجدادلار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئويلاپ باقسام كونىلارنىڭ «بالىسى غورا يېسە ئانىسىنىڭ چىشى قامايدۇ» دېگىنىمۇ راست ئىكەن.

كونا خاماننى سورىماق

  • كونا خاماننى سورىماق[يەشمىسى:] ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆزلەرنى قايتا تەگىمەك:[مىسال:] كونا خاماننى سورۇشنىڭ ئورنى يوق، بولدى، بۇ گەپ مۇشۇ يەردە قالسۇن، دېدى تاجىنىساخان.

كونا سەنەمگە دەسسىمەك

  • كونا سەنەمگە دەسسىمەك[يەشمىسى:] كۆپ تەكرارلانغان قاراشنى، پىكىر-چۈشەنچىنى قايتا كۆرۈپ چىقماق، تەكرارلىماق:[مىسال:] قاچانغىچە كونا سەنەمگە دەسسەپ يۈرىمىز. زامان ئاللىقاچان ئۆزگەردى، زامانغا بېقىپ ئىش قىلايلى.

كونا سەنەمگە ئۇسسۇل ئوينىماق

  • كونا سەنەمگە ئۇسسۇل ئوينىماق[يەشمىسى:] «كونا سەنەمگە دەسسىمەك»كە قاراڭ.

كونا قېلىپ

  • كونا قېلىپ[يەشمىسى:] ئىلگىرىكى، بۇرۇنقى شەكىل، ئەندىزە.

كونا كېسىلى قوزغالماق

  • كونا كېسىلى قوزغالماق[يەشمىسى:] ئىلگىرىكى ناچار ئىللەت-نۇقسانلىرى قايتىدىن پەيدا بولماق، تەكرارلانماق:[مىسال:] كونا كېسىلىڭ يەنە قوزغىلىپ قالدىمۇ، قاراپ تۇرماي ياردەملەشمەمسەن، دېدى شاكىر.

كونا مۇقام

  • كونا مۇقام[يەشمىسى:] تەكرار سۆزلىشىپ، كىشىنى بىزار قىلىدىغان گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەت:[مىسال:] سېنىڭ دەۋاتقانلىرىڭنىڭ ھەممىسى كونا مۇقام، بۇ مۇقاملىرىڭ ھازىرغا توغرا كەلمەيدۇ.

كونا ئۇستىخاننى غاجىماق

  • كونا ئۇستىخاننى غاجىماق[يەشمىسى:] بولۇپ ئۆتكەن، كونىراپ كەتكەن ئىش-ھەرىكەتلەرنى دائىم تەگىمەك:[مىسال:] بولدى، قويۇڭ، كونا ئۇستىخاننى قاچانغىچە غاجايمىز.

كونارتىشماق

  • كونارتىشماق[يەشمىسى:] «كونارتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كونارتىلماق

  • كونارتىلماق[يەشمىسى:] «كونارتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كونارماق

  • كونارماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەسلىدىكى سۈپىتىنى، ھالىتىنى، ئىسكەتىنى يوقاتماق؛ كونا ھالەتكە كالمەك:[مىسال:] كونىراپ كەتكەن چاپان.

كونتاكت

  • كونتاكت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ئىككى جىسىمنىڭ بىر-بىرىگە تېگىشى ۋە تېگىپ تۇرغان جايى.

كونتاكتلىق

  • كونتاكتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىسىملارنىڭ بىر-بىرىگە تېگىشىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كېلىدىغان ياكى جىسىملارنىڭ تېگىشىش يۈزىدە يۈز بېرىدىغان:[مىسال:] كونتاكتلىق مېتامورفىزم.

كونتراست

  • كونتراست[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] بىر-بىرىدىن كەسكىن پەرقلىنىدىغان، پەرقى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، پەرقلىق:[مىسال:] كونتراست رەڭ.

كونترول

  • كونترول[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇتۇپ تۇرۇپ خالىغانچە ھەرىكەت قىلدۇرماسلىق، تىزگىنلەش؛ باشقۇرۇش:[مىسال:] كونترول قىلىش.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىزگىنلەنگەن:[مىسال:] كونترول رەقەم.

كونترولچان

  • كونترولچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كونترول قىلىدىغان ياكى كونترول قىلىنىدىغان.

كونترولچانلىق

  • كونترولچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كونترول قىلىش خۇسۇسىيىتى، ئالاھىدىلىكى:[مىسال:] كونتېكىستنىڭ سېمانتىكىغا بولغان يەنە بىر كونترولچانلىق فۇنكسىيىسى ئۇنىڭ ھەرقانداق بىر تىلدىكى مۈجمەللىكنى چەتكە قېقىشتا كۆرۈلىدۇ.

كونتروللاش

  • كونتروللاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىزگىنلەش، باشقۇرۇش:[مىسال:] كونتروللاش تاختىسى. كونتروللاش قوزۇقى.

كونتروللۇق

  • كونتروللۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كونترول قىلىش تەسىر دائىرىسى.

كونتروللىماق

  • كونتروللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① خالىغانچە ھەرىكەت قىلالايدىغان دەرىجىگە چۈشۈرۈپ، ئۆز خاھىشى، مەيلى بويىچە ئىدارە قىلماق، باشقۇرماق، تىزگىنلىمەك:[مىسال:] نېرۋىنى كونتروللىماق.[يەشمىسى:] ② مەلۇم چەكتىكى ھالەت ۋە نورماللىقنى ساقلاپ قالماق ياكى مەلۇم ھالەتنىڭ كېڭىيىپ كېتىپ زىيان سېلىشىنى توسماق، چەكلىمەك:[مىسال:] باھانى كونتروللىماق. نوپوسنى كونتروللىماق.[يەشمىسى:] ③ ئۆزىنىڭ ھوقۇقى، كۈچ-قۇدرىتى، باشقۇرۇش ياكى تەسىر دائىرىسى ئاستىغا ئالماق:[مىسال:] بازارنى كونتروللىماق. ۋەزىيەتنى كونتروللىماق.

كونتېكىست

  • كونتېكىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] يازما نۇتۇقنىڭ ئۆز ئىچىگە كىرگەن سۆز ياكى ئىبارىلەر مەنىسىنى بەلگىلەشكە ئىمكان بېرىدىغان، تولۇق پىكىرنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بۆلىكى، پارچىسى.

كونتېكىستسىز

  • كونتېكىستسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كونتېكىستى يوق، كونتېكىستى بولمىغان:[مىسال:] تېخىمۇ ئوچۇقراق ئېيتقاندا، كونتېكىستسىز تىل پائالىيىتى بولمايدۇ، تىل پائالىيىتىسىز كونتېكىست بولمايدۇ.

كونتېكىستشۇناس

  • كونتېكىستشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كونتېكىستشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى، ئالىمى، يەنى كونتېكىستنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس، ئالىم.

كونتېكىستشۇناسلىق

  • كونتېكىستشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تىلشۇناسلىقنىڭ كونتېكىستنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى:[مىسال:] كونتېكىستشۇناسلىق تەتقىقاتى نۆۋەتتە تىلشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى مۇھىم بىر ھالقا ھېسابلانماقتا.

كوندۇكتور

  • كوندۇكتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] پويىز، پاراخوت، ئايروپىلان، ترامۋاي، تراللىبۇس ۋە ئاپتوبۇس قاتارلىقلاردىكى يولۇچىلارغا قارايدىغان، ئۇلارغا خىزمەت قىلىدىغان خادىم؛ بېلەت ساتقۇچى.

كوندىناتور

  • كوندىناتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر مىقدارىنى ساقلايدىغان ئەسۋاب. يېقىن تۇرغان ھەمدە بىر-بىرىدىن ئىزولياتسىيىلەنگەن ئىككى دانە ئۆتكۈزگۈچتىن قۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئېلېكتر تېخنىكىسى، تېلېگراف قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ.

كوندېنساتور

  • كوندېنساتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئېلېكتر<[يەشمىسى:] توك ئۆتكۈزگۈچلەر ئارىسىغا قويۇپ قويۇلىدىغان ئەسۋاب. ئادەتتە توك مەنبەسىگە ئۇلانغاندا زەرەتلىنىدۇ ۋە توك يىغىۋالىدۇ. توك مەنبەسىدىن ئۈزۈلگەندىمۇ توك زاپىسىنى ساقلاپ، مەلۇم مىقداردا توك چىقىرىدۇ.

كونسىپىك

  • كونسىپىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① دەرسخانىدا مۇئەللىم سۆزلىگەن دەرس مەزمۇنى:[مىسال:] كونسىپىك يازماق. كونسىپىك قالدۇرماق.[يەشمىسى:] ② مۇئەللىم سۆزلىگەن دەرس مەزمۇنى خاتىرىلەنگەن دەپتەر:[مىسال:] كونسىپىكىنى بەرمەك. كونسىپىكىنى ئالماق.

كونسۇل

  • كونسۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تاشقى ئىشلار<[يەشمىسى:] بىر دۆلەت ھۆكۈمىتى چەت ئەلنىڭ بىرەر شەھىرى ياكى رايونىدا تۇرۇشقا بەلگىلەنگەن دىپلوماتىك ئەمەلدار. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى:[مىسال:] ئۆز دۆلىتى ۋە ئۇنىڭ مۇھاجىرلىرىنىڭ شۇ رايوندىكى قانۇنىي ھوقۇقى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنى قوغداش، مۇھاجىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت.

كونسۇلتاتسىيە

  • كونسۇلتاتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياكى بىلىملىك، ئالىم كىشىلەرنىڭ بىرەر مەسىلە بويىچە مەسلىھەتى.[يەشمىسى:] ② ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەننى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا بېرىدىغان ياردىمى ياكى شۇنداق ياردەم بېرىش مەشغۇلاتى.

كونسۇلخانا

  • كونسۇلخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تاشقى ئىشلار<[يەشمىسى:] بىر دۆلەت باشقا بىر دۆلەتنىڭ مەلۇم شەھىرىدە تۇرغۇزغان كونسۇللۇق ۋاكالەتخانىسى.

كونسۇللۇق

  • كونسۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كونسۇلغا يۈكلەنگەن ۋەزىپە:[مىسال:] كونسۇللۇق قىلماق. كونسۇللۇققا تەيىنلەنمەك.

كونسېرت

  • كونسېرت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] ① مۇزىكا ئەسەرلىرى، ئۇسسۇل، ناخشا ۋە شۇ قاتارلىقلار نومۇرلىرىنىڭ مەلۇم پروگرامما ئاساسىدا ئىجرا قىلىنىشى، ئاممىغا كۆرسىتىلىشى، ناخشا-ئۇسسۇل:[مىسال:] كونسېرت كۆرمەك. كونسېرت كېچىلىكى.[يەشمىسى:] ② بىر يەككە ئورۇنلىغۇچى (ئىسكىرىپكا، پىئانىنو قاتارلىقلارنى چالغۇچى) بىلەن دۇخوۋوي ئوركېستىرىنىڭ بىرلىشىپ ئورۇندىشى ئۈچۈن يېزىلغان چوڭ تىپتىكى مۇزىكا ئەسىرى. ئادەتتە ئۈچ مۇزىكا بابىدىن تەركىب تاپىدۇ.

كونسېرن

  • كونسېرن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] كاپىتالىستىك مونوپول تەشكىلات شەكىللىرىدىن بىرى. ئۇ ئوخشاش بولمىغان ئىقتىسادىي تارماقلارنىڭ سانائەت كارخانىسى، سودا كارخانىسى، بانكا، قاتناش-ترانسپورت شىركىتى ۋە ئىستراخوۋانىيە شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان كارخانىلارنىڭ بىرلىشىشىدىن تەشكىللىنىدۇ.

كونسېرۋا

  • كونسېرۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىن تۈنىكە قۇتا ۋە بوتۇلكىلارغا قاچىلاپ، ئاغزىنى ھاۋا ئۆتمەيدىغان قىلىپ بېكىتكەن يېمەكلىك. ئۇ ئۇزۇنغىچە بۇزۇلمايدۇ.

كونسېرۋاتور

  • كونسېرۋاتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] كونسېرۋاتىزم تەرەپدارى، كونا، ئۆتۈپ كەتكەن تەرتىپلەرنى ساقلاشتا چىڭ تۇرىدىغان كىشى؛ مۇتەئەسسىپ.

كونسېرۋاتىپ

  • كونسېرۋاتىپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قارشى بولغان، تەرەققىياتنى ياقلىمايدىغان؛ مۇتەئەسسىپ:[مىسال:] كونسېرۋاتىپ ئادەم.

كونسېرۋاتىپلىق

  • كونسېرۋاتىپلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قارشى چىقىش، تەرەققىياتنى ياقلىماسلىق، مۇتەئەسسىپلىك:[مىسال:] ھەر دائىم ئىدىيە جەھەتتە توغرا بىلەن خاتا، ئالغا بېسىش بىلەن كونسېرۋاتىپلىق ئوتتۇرىسىدا كۈرەش بولۇپ تۇرىدۇ.

كونسېرۋاتىزم

  • كونسېرۋاتىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] شەيئىلەر تەرەققىياتىدىن كېيىن قالغان ئىدىيە. ئۇ نەتىجىلەرگە كۆز يۇمۇش، يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلماسلىق، قىيىنچىلىقلارنى ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈۋېتىش، پايدىلىق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

كونسېسسىيە

  • كونسېسسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تاشقى ئىشلار<[يەشمىسى:] جاھانگىر دۆلەتلەر يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تاجاۋۇز قىلىشتا تايانچ نۇقتا قىلىش ئۈچۈن، يېرىم مۇستەملىكە دۆلەتلەرنى مەجبۇرلاپ «ئىجارە» گە ئېلىۋالغان جاي.

كونكرېت

  • كونكرېت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] رېئال مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، ئېنىق، روشەن؛ ئەمەلىي؛ بەلگىلىك، ئابستراكت بولمىغان:[مىسال:] كونكرېت ئىش. كونكرېت ئادەم. كونكرېت ئەمگەك. كونكرېت ۋەزىپە.

كونكرېتلاشتۇرماق

  • كونكرېتلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «كونكرېتلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ مەسىلىلەرنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇپ، بىرمۇبىر سۆزلەشكە باشلىدى.

كونكرېتلاشتۇرۇلماق

  • كونكرېتلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «كونكرېتلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قانۇن پارتىيە سىياسىتىنىڭ كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى.

كونكرېتلاشماق

  • كونكرېتلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئېنىق، روشەنلەشتۈرمەك، كونكرېت ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] بۇ بىناغا كۆچۈپ كېلىپلا بىزنىڭ مەسئۇلىيەت تۈزۈمىمىز تېخىمۇ كونكرېتلاشتى.

كونكرېتلىق

  • كونكرېتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېنىقلىق، روشەنلىك، ئوچۇقلۇق:[مىسال:] «چېنىقىش» ھېكايىسى ئوبرازلىرىنىڭ روشەن ۋە كونكرېتلىقى بىلەن كىتابخانلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.

كونۇس

  • كونۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭنىڭ خالىغان بىر تىك تەرىپىنى ئوق قىلىپ بىر قېتىم ئايلىنىشىدىن ھاسىل بولغان جىسىم. ھەجمى ئاساسىنىڭ يۈزى بىلەن ئېگىزلىكى كۆپەيتمىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭ.

كونۇسسىمان

  • كونۇسسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كونۇسقا ئوخشاش، كونۇس شەكلىدىكى.

كونۋېرت

  • كونۋېرت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ئىچىگە خەت، ھۆججەت ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەرنى سېلىپ، بىرەر جايغا ئەۋەتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۆت بۇرجەك قەغەز خالتا.

كونۋېرتسىز

  • كونۋېرتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كونۋېرتى يوق، كونۋېرتقا سېلىنمىغان:[مىسال:] كونۋېرتسىز خەت.

كونۋېرتلىق

  • كونۋېرتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كونۋېرتى بار، كونۋېرتقا سېلىنغان:[مىسال:] كونۋېرتلىق خەت.

كونۋېكسىيە

  • كونۋېكسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاقار جىسىملارنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەرقايسى قىسىملارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئوخشىماسلىق تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان قارىمۇقارشى ئېقىش. تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغان قىسمى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن قىسمى تۆۋەنلەيدۇ. كونۋېكسىيە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشنىڭ بىر خىل شەكلى ھېسابلىنىدۇ.

كونۋېكسىيىلىك

  • كونۋېكسىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كونۋېكسىيە تۈپەيلىدىن شەكىللىنىدىغان، ياغىدىغان:[مىسال:] كونۋېكسىيىلىك يامغۇر.

كونىچە

  • كونىچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كونا ئادەت بويىچە:[مىسال:] ئاناممۇ پۈتۈنلەي كونىچە پىكىر قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] كونا پاسوندىكى؛ كونا شەكىلدىكى:[مىسال:] مۇنبەردە 50 ياشلاردىكى مۇئەللىم كونىچە كۆزەينەك تاقاپ كىتاب ئوقۇماقتا ئىدى.

كونىلىق

  • كونىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كونا ھالەت:[مىسال:] ئۇزاققىچە ئۇلارنىڭ قىزىقارلىق سۆزلىرى ۋە كونىلىق ساقلىغۇچىلار تەرەپدارلىرىنىڭ ئېتىرازلىرى ئانچە-مۇنچە قۇلىقىغا كىرىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② ئۆتمۈش، كونا زامانغا مەنسۇپ بولغان ئۆرپ-ئادەت، يوسۇن، تەرتىپ قاتارلىقلار:[مىسال:] ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان شائىرلار ئۆز ئەسەرلىرىدە كونىلىق، مۇتەئەسسىپلىكنى قامچىلىدى.

كوئوردېنات

  • كوئوردېنات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ننىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان بىر ياكى بىر گۇرۇپپا سان.

كوۋا

  • كوۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] موزدۇزلار رەختنى تۈزلەش، چىڭداش، پاشنا قاتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان، تاپىنى كەڭ مېتال ئەسۋاب.

كوۋۇك

  • كوۋۇك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەپتەرنىڭ ئۇۋىسى.

كوئېففېتسېنت

  • كوئېففېتسېنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ① نامەلۇم سان بىلەن ئۆزئارا كۆپەيتىلگەن سان ياكى ھەرپ. مەسىلەن، 2a X2تىكى 2a بولسا X2 نىڭ كوئېففىتسېنتىدۇر. [يەشمىسى:] ② پەن-تېخنىكىدىكى مەلۇم خۇسۇسىيەتنىڭ دەرىجىسىنى ياكى نىسبىتىنى ئىپادىلەيدىغان سان. مەسىلەن، كېڭىيىش كوئېففىتسېنتى، بىخەتەرلىك كوئېففىتسېنتى قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

كويⅠ

  • كويⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئوي، خىيال:[مىسال:] ھەركىم ھەركويدا، تاز خوتۇن ئەر كويىدا (ماقال).[يەشمىسى:] ② غەرەز، مەقسەت:[مىسال:] مەلىكە ئاشۇ ئەڭگۈشتەرنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ كويىدا بوپتۇ.[يەشمىسى:] ③ بىرەر مەقسەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەت ياكى ئىش:[مىسال:] بۇ ئاداش خىلۋەت ئورمانغا بېشىنى تىقىۋېلىپ، جاھاندا نېمە كوي بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمىسە كېرەك.

كويⅡ

  • كويⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] كوچا، يول:[مىسال:] كوچا-كويغا چىقماق. كويغا سالماق. كويىغا كىرمەك. * ھە ئىنىم، تۇرمۇش مېنى مۇشۇ كويغا سالدى.

كويⅢ

  • كويⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] جۇڭگونىڭ پۇل بىرلىكى، يۈەن.

كويچەن

  • كويچەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] كوي:[مىسال:] يۈز كوي.

كويزا

  • كويزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] جىنايەتچىنىڭ ئىككى قولىنى چۈشەپ قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل جازا قورالى:[مىسال:] قولىغا كويزا سالماق.

كويزا-كىشەن

  • كويزا-كىشەن[يەشمىسى:] كويزا ۋە كىشەن.

كويلا

  • كويلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈگمەننىڭ چاقپېلىكى ئورنىتىلغان، نوردىن سۇ چۈشىدىغان يېرى:[مىسال:] تۈگمەننىڭ كويلىسىدىن پۈتۈن چىقماق.

كويلۇق

  • كويلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم كوي قىممىتىگە ئىگە بولغان:[مىسال:] ئىككى كويلۇق ئۈزۈم. ئون كويلۇق چاپان.

كويۇش

  • كويۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دىققەت، مەقسەت، نەزەر:[مىسال:] كويۇش قىلماق.

كۇب

  • كۇب[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] يۈزلىرى ئۆزئارا تەڭ بولغان ئالتە كۋادرات ئارقىلىق ئورالغان گېئومېتىرىيىلىك جىسىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بىرەر ساننىڭ ياكى ئالگېبرالىق ئىپادىنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىسى، ئۆز-ئۆزىگە ئۈچ قېتىم كۆپەيتىلىشى:[مىسال:] 3 نىڭ كۇبى 27 بولىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] بىر كۇب مېتىرغا تەڭ ھەجىم ئۆلچىمى:[مىسال:] بىر كۇب ياغاچ. ئىككى كۇب شېغىل.

كۇبانكا

  • كۇبانكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] تۆپىسى يېسسى، لەپلىمىسى يوق ۋە كۆرپىدىن ئېگىز كېزەكلىك قىلىپ تىكىلىدىغان بىر خىل تۇماق.

كۇپايە

  • كۇپايە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يېتەرلىك، قانائەتلىنەرلىك:[مىسال:] كۇپايە بولماق. كۇپايە قىلماق. * يۈز قارغىغا بىر شۇڭقار كۇپايە (ماقال).

كۇپايىلەنمەك

  • كۇپايىلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قانائەتلەنمەك، قانائەت ھاسىل قىلماق:[مىسال:] كىچىكئاخۇن ئەترەت باشلىقىنىڭ سوئالىغا پەقەت ھىجىيىپ، تامىقىنى چىكىلدىتىپ قويۇش بىلەن كۇپايىلەندى.

كۇپايىلىنىشمەك

  • كۇپايىلىنىشمەك[يەشمىسى:] «كۇپايىلەنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئۇنىڭ مىجەزىنى ئوبدان چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، تولاراق بىر ئېغىز جاۋاب ئېلىش بىلەن كۇپايىلىنىشىدۇ.

كۇپپار

  • كۇپپار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دىنسىزلار، ئىسلام دىنىغا كىرمىگەنلەر؛ كاپىر.

كۇپپارلىق

  • كۇپپارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دىنسىزلىق، كاپىرلىق:[مىسال:] كۇپپارلىق قىلماق.

كۇپلېت

  • كۇپلېت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] قوشاق ياكى شېئىرنىڭ ئىككىدىن يۇقىرى مىسرادىن تەشكىل تاپقان، مەلۇم قاپىيىلىنىش تەرتىپىگە ئىگە بولغان شەكلى، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە كۇپلېتلار ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى مىسرادىن تەركىب تاپىدۇ.

كۇپلېتسىز

  • كۇپلېتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۇپلېتى يوق، كۇپلېتلارغا ئايرىلمىغان:[مىسال:] كۇپلېتسىز شېئىرلار.

كۇپلېتلىق

  • كۇپلېتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۇپلېتى بار، كۇپلېتلارغا ئايرىلغان:[مىسال:] كۇپلېتلىق شېئىرلار.

كۇپۇر

  • كۇپۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] خۇدانى، دىننى ئىنكار قىلىش؛ ئاللاغا، دىنغا شەك كەلتۈرۈش، ئىشەنمەسلىك؛ دىنسىزلىق:[مىسال:] ھاي... ھاي ئىشان كەينىگە ئىككى قەدەم شوخشۇدى، كۇپۇر سۆزلەشكە قانداق جۈرئەت قىلدىڭ.

كۇپۇرانە

  • كۇپۇرانە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۇپۇرلۇق سانىلىدىغان؛ خۇدانى، دىننى ئىنكار قىلىدىغان؛ ئاللاغا، دىنغا شەك كەلتۈرىدىغان:[مىسال:] ئۇنى كۆرۈپ كۇپۇرانە بىر خىيال كاللامغا كىرىۋالدى.

كۇپۇرانىلىق

  • كۇپۇرانىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاللاھنى، دىننى ئىنكار قىلىش، ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرۈش، كۇپۇرلۇق:[مىسال:] ھىمىتئاخۇن ئاكا كۇپۇرانىلىق بولسىمۇ سورىۋالاي، ئابدۇللائاخۇننى «ئۆزىنى قاشتىن تاشلىۋالدى» دېگەن گەپكە سىلە نېمە دەيلا دەپ سورىدى سۈپۈرگىئاخۇن.

كۇپۇرلۇق

  • كۇپۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاللانى، دىننى كەمسىتىدىغان، ئاللاغا، دىنغا شەك كەلتۈرىدىغان سۆز-ھەرىكەت، قىلىق؛ كۆرگەن ياخشىلىقىنى ئۇنتۇش، نانكورلۇق:[مىسال:] نېمە سايىم چوڭنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى، كۇپۇرلۇق قىلماي ئاغزىڭنى يۇم

كۇت

  • كۇت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] پەس ئاۋاز بىلەن پاراڭلاشقاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

كۇتكويلۇق

  • كۇتكويلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سۈرۈشتۈرۈش؛ كوچىلاش.

كۇت-كۇت

  • كۇت-كۇت[يەشمىسى:] ① «كۇت» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.[يەشمىسى:] ② ئەرزىمەس، تايىنى يوق؛ پىتنە-پاسات:[مىسال:] كۇت-كۇت پاراڭ. كۇت-كۇت گەپ.

كۇتلا

  • كۇتلا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] نەق، دەل.

كۇتۇبىم

  • كۇتۇبىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] 13 كىتابتىن تەركىب تاپقان توپلام. پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتى ۋە ئىسرائىل ئوغوللىرىنىڭ تارىخى بايان قىلىنىدۇ.

كۇتۇپخانا

  • كۇتۇپخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] كىتاب، ژۇرنال ۋە شۇ قاتارلىقلارنى توپلاش، رەتلەش، ساقلاش ۋە كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا بېرىش مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن.

كۇتۇلداشماق

  • كۇتۇلداشماق[يەشمىسى:] «كۇتۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قولۇم-قوشنىلارمۇ راھىلەنى كۆرگىنىدە بىر-بىرىنىڭ قۇلاقلىرىغا كۇتۇلدىشاتتى.

كۇتۇلدىماق

  • كۇتۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «كۇت-كۇت» قىلماق، «كۇت-كۇت» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق:[مىسال:] ئۇ ئادەم خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك، بىرنېمىلەرنى دەپ كۇتۇلدايتتى.

كۇچۇلا

  • كۇچۇلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① كۇچۇلا ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە ياكى سەل يۇمىلاق بولۇپ، ئۇدۇل ئۆسىدۇ. شىرنىلىك مېۋىسى شار شەكلىدە كېلىدۇ، پىشقاندا سارغىيىدۇ. ئۇرۇقى يۇمىلاق تەخسە شەكلىدە بولۇپ، قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن دورا قىلىنىدۇ. ھەيز ماڭدۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش رولىغا ئىگە، لېكىن زەھەرلىك. ئەسلىي ماكانى ھىندىستان.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇتۇلغان مېۋىسى.

كۇدرانىيە

  • كۇدرانىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۈجمە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى دەرەخ. قوۋزىقى كۈل رەڭ قوڭۇر، ئۇزۇن تىكىنى بار، يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان ياكى ئېللىپس شەكلىدە، گۈلى كىچىك، باشسىمان گۈل رېتىدە تىزىلىدۇ. مېۋىسى شار شەكلىدە. يوپۇرمىقىدا پىلە قۇرتى باققىلى بولىدۇ. ياغىچىنىڭ مەركىزى سېرىق رەڭلىك، قاتتىق ۋە پۇختا بولۇپ، قىممەتلىك ياغاچ ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.

كۇدۇڭداس

  • كۇدۇڭداس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرىدىكى گۆشلەرنى قىرىپ تازىلايدىغان، ئىككى تەرىپىدە ساپىقى بار، ھىلال ئاي شەكلىدىكى كۆنچىلىك ئەسۋابى.

كۇر

  • كۇر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قۇشلار ئۇچقان چاغدا قانىتىنىڭ ھاۋادا ھەرىكەتلىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.

كۇررەك

  • كۇررەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كەمبەغەل، يالاڭتۆش.

كۇررىدە

  • كۇررىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «كۇر» قىلىپ، «كۇر» قىلغان ھالدا:[مىسال:] قۇشقاچلار كۇررىدە ئۇچۇپ كەتتى.

كۇرسⅠ

  • كۇرسⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىر پەن ۋە سىستېما بويىچە قىسقا مۇددەتلىك ئېچىلغان ئوقۇش؛ ئۆگىنىش:[مىسال:] بوغالتىرلار كۇرسى. شوپۇرلار كۇرسى.[يەشمىسى:] ② بىرەر پەن ياكى ئۇنىڭ بىر قىسمىنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى سىستېمىلىق بايانى ۋە شۇنداق باياندىن ئىبارەت بولغان دەرسلىك.[يەشمىسى:] ③ مەكتەپلەردىكى ھەربىر ئوقۇش يىلى:[مىسال:] مەن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرىنچى كۇرسىنى تۈگەتتىم.[يەشمىسى:] ④ بىر پۈتۈن داۋالاش ۋاقتىنىڭ بۆلەكلەرگە بۆلۈنگەن قىسمى:[مىسال:] بىر داۋالاش كۇرسى 15 كۈن.

كۇرسⅡ

  • كۇرسⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① قىممەت، باھا:[مىسال:] پۇلنىڭ كۇرسى چۈشمەك. مالنىڭ كۇرسى چۈشمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىززەت-ھۆرمەت، ئابرۇي:[مىسال:] شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ ئادەمنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كەتتى.

كۇرسانت

  • كۇرسانت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كۇرستا ئوقۇغۇچى، كۇرس ئوقۇغۇچىسى.

كۇرسى

  • كۇرسى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بەندىڭ، ئورۇندۇق.

كۇر-كۇر

  • كۇر-كۇر[يەشمىسى:] «كۇر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] مىلتىق ئاۋازلىرى توختاش بىلەنلا پاقىلار كۇر-كۇر قىلىپ كۇركىراشقا باشلىدى.

كۇرۇژوك

  • كۇرۇژوك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] مەلۇم مەقسەت، غايە بىلەن توپلانغان كىشىلەر توپى، گۇرۇپپىسى:[مىسال:] ئەدەبىيات كۇرۇژوكى. ياشلار كۇرۇژوكى.

كۇرۇشكا

  • كۇرۇشكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئىستاكان شەكىللىك تۇتقۇچى بار مېتال قاچا:[مىسال:] بىر كۇرۇشكا سۇ.

كۇس

  • كۇس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] يەل، گاز قاتارلىقلار قاچىلانغان نەرسىنىڭ تۆشۈكىدىن مەلۇم بېسىم بىلەن سىرتقا ئېتىلىپ چىققاندا ھاسىل بولغان ئاۋاز.

كۇسار

  • كۇسار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ئەر-ئاياللارنىڭ ئىچىگە كىيىدىغان كالتە ئىشتىنى.

كۇسارچان

  • كۇسارچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] باشقا كىيىم كىيمەي يالغۇز كۇسار كىيگەن.

كۇسپاڭ

  • كۇسپاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] چىچقاق، ئوسۇرغاق:[مىسال:] ھەي يول باشلىماي قۇرۇپ كېتىدىغان كۇسپاڭ، ئالدىڭغا ماڭماي نەگە بۇرۇلىسەن

كۇسسىدە

  • كۇسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «كۇس» قىلىپ، «كۇس» قىلغان ھالدا:[مىسال:] توپنىڭ كۇسسىدە يېلى چىقىپ كەتتى.

كۇس-كۇس

  • كۇس-كۇس[يەشمىسى:] ① «كۇس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.[يەشمىسى:] ② كۈچسىز، تۆۋەن ئاۋازلار:[مىسال:] سورۇندا كۇس-كۇس پاراڭلار كۆپىيىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ③ غەيۋەت-شىكايەت خاراكتېرىدىكى ئاساسسىز، تايىنى يوق سۆزلەر:[مىسال:] گەپنىڭ يامىنى كۇس-كۇس، ئوسۇرۇقنىڭ يامىنى پۇس-پۇس (ماقال).

كۇسۇر

  • كۇسۇر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ پەس ئاۋازدا قىلىشقان پارىڭىغا تەقلىد قىلىنىدۇ.

كۇسۇر-كۇسۇر

  • كۇسۇر-كۇسۇر[يەشمىسى:] «كۇسۇر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] بىردىنلا ئۇ يەر-بۇ يەردە كۇسۇر-كۇسۇر گەپلەر باشلىنىپ كەتتى.

كۇسۇرلاشماق

  • كۇسۇرلاشماق[يەشمىسى:] «كۇسۇرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بېشىنى بىر يەرگە ئەكىلىپ ئۇزاق كۇسۇرلاشتى.

كۇسۇرلىماق

  • كۇسۇرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «كۇسۇر-كۇسۇر» قىلماق، پەس ئاۋازدا پاراڭلاشماق:[مىسال:] شۇ ئارىدا يېنىدىكى ۋەزىر يەنە پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا كۇسۇرلاپ ئەقىل ئۆگىتىپتۇ.

كۇسۇڭ

  • كۇسۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] «كۇسۇر»غا قاراڭ.

كۇسۇڭ-كۇسۇڭ

  • كۇسۇڭ-كۇسۇڭ[يەشمىسى:] «كۇسۇڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] كۇسۇڭ-كۇسۇڭ گەپ قىلماق.

كۇسۇلداشماق

  • كۇسۇلداشماق[يەشمىسى:] «كۇسۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مەن سىرتتا كۇسۇلدىشىپ يۈرگەنلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ياتتىم.

كۇسۇلدىماق

  • كۇسۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «كۇسۇرلىماق»قا قاراڭ.

كۇش

  • كۇش[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] يەل، گاز، پار قاتارلىقلار قاچىلانغان نەرسىدىن بېسىم بىلەن چىققاندا ھاسىل بولىدىغان بوش ئاۋاز.

كۇشادە

  • كۇشادە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كەڭتاشا، كەڭرى، ئازادە:[مىسال:] باشقىلارنىڭ سۆزىدىن سۆز، مەزمۇن ئالماي ئادەتلەنسەڭ، تەبىئىتىڭ كۇشادە، زېھنىڭ ئۈستۈن بولىدۇ، سۆز مەيدانى ساڭا كەڭ بولىدۇ.

كۇشادىچىلىق

  • كۇشادىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئازادىلىك، كەڭتاشالىق:[مىسال:] ھاۋا دىمىققاندا يامرار كۇمۇتا، بەرمەس ئادەمگە كۇشادىچىلىق.

كۇشادىلىق

  • كۇشادىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئازادىلىك، كەڭتاشالىق:[مىسال:] ئادا بولۇپ پىتنە توسقۇندىن، كۇشادىلىق تاپتى يول زەپمۇ، چۈشۈپ بەيگىگە تۇلپارلار، قەدەملەر خۇش راۋان كەلدى.

كۇش-كۇش

  • كۇش-كۇش[يەشمىسى:] «كۇش» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

كۇشۇلداشماق

  • كۇشۇلداشماق[يەشمىسى:] «كۇشۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كۇشۇلدىماق

  • كۇشۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «كۇش» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «كۇش» قىلماق.

كۇكۇ

  • كۇكۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] «پىستەⅡ»گە قاراڭ.

كۇكۇم

  • كۇكۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قاتتىق نەرسىلەرنىڭ پارچىلانغاندىكى ئۇششاق ئۇۋاقلىرى:[مىسال:] كۇكۇم-تالقان بولماق.[يەشمىسى:] ② مالنىڭ ئايىغىدىن چىققان ئۇۋاق قىغ:[مىسال:] زىلەي لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان مەڭگەن ئۈستىدىن كۇكۇم چېچىپ تونۇر قىزدۇرۇۋاتاتتى.

كۇكۇم-تالقان

  • كۇكۇم-تالقان[يەشمىسى:] ① ناھايىتى ئۇششاق، ئۇۋاق:[مىسال:] ئەينەك سۇنۇپ كۇكۇم-تالقان بولۇپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② يوقىلىش، بىتچىت بولۇش:[مىسال:] كۇكۇم-تالقان بولماق.

كۇڭ

  • كۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دېدەك قۇل ئايال.

كۇلا

  • كۇلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شال پاخىلى، چىغىرتماق، چىغ قاتارلىقلاردىن ئېشىلگەن ئارغامچا:[مىسال:] باينىڭ ئارغامچىسى بولسا، كەمبەغەلنىڭ كۇلىسى بار (ماقال).

كۇلال

  • كۇلال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] لايدىن تەييارلانغان، تېخى خۇمدانغا پىشۇرۇلمىغان تۈرلۈك ساپال بۇيۇملار.

كۇلالچى

  • كۇلالچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لايدىن تۈرلۈك ساپال بۇيۇملارنى ياسىغۇچى ھۈنەرۋەن.

كۇلالچىلىق

  • كۇلالچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لايدىن تۈرلۈك ساپال بۇيۇملىرىنى ياساش كەسپى:[مىسال:] ئۇنىڭ دادىسى كۇلالچىلىق قىلىدۇ.

كۇلاھ

  • كۇلاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دىۋانىلەر، دەرۋىشلەر كىيىدىغان ئۇچلۇق قالپاق:[مىسال:] ئۇزۇن چار ساقاللىق، ئۈستىگە جەندە، بېشىغا كۇلاھ كىيگەن دىۋانە بوۋاي كىرىپ كەلدى.

كۇلاھ-جەندە

  • كۇلاھ-جەندە[يەشمىسى:] كۇلاھ ۋە جەندە:[مىسال:] كىيگىنى كۇلاھۇجەندىدۇر، نائۈمىد ئەمەستۇر ۋە لېكىن. چاقماقلار ئالدىدا تەۋرىمەس، بورانلار ئالدىدا چىڭ، تەمكىن.

كۇلاھلىق

  • كۇلاھلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۇلاھى بار، كۇلاھ كىيگەن:[مىسال:] بارار ئىكەن كۇلاھلىق يىگىت، قىزىل يالقۇن كۆكسىنى بۆسۈپەت. ئوت ئىچىدە چوغدەك قىزارغان قولىدا قىلىچ، مەردلىكى ئۆسۈپەت.

كۇلتېر

  • كۇلتېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بېلىقلاردىكى بىر ئۇرۇقداش. تېنى سەل ياپىلاق، ئېغىزى ئۈستىگە كۆتۈرۈلۈپ چىققان. تاتلىق سۇلاردا ياشايدۇ.

كۇلتىۋاتسىيە

  • كۇلتىۋاتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] كۇلتىۋاتور ئارقىلىق زىرائەتنىڭ تۈپ ئارىلىقىدىكى ئوتلارنى ئوتاپ، تۈۋىنى چاناش، يۇمشىتىش ئىشى؛ چاغلاش:[مىسال:] كۇلتىۋاتسىيە قىلماق.

كۇلتىۋاتور

  • كۇلتىۋاتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ھەيدەلگەن يەرنى يۇمشىتىش، ياۋا ئوتلارنى ئوتاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدىغان دېھقانچىلىق ماشىنىسى.

كۇلمىناتسىيە

  • كۇلمىناتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەسەردىكى زىددىيەت-توقۇنۇشلار راۋاجلىنىپ ئەڭ كەسكىنلەشكەن، ئەڭ جىددىيلەشكەن باسقۇچ. بۇ باسقۇچ ئەسەردىكى پېرسوناژلارنىڭ تەقدىرى ۋە زىددىيەت توقۇنۇشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ھالقا.

كۇلۇن

  • كۇلۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر مىقدارىنىڭ ئەمەلىي بىرلىكى. بىر كۇلۇن3×01 9 ستاتىك ئېلېكتر بىرلىكىدىكى ئېلېكتر مىقدارىغا باراۋەر كېلىدۇ. توك كۈچىنىشى بىر ئامپېر بولغاندا، بىر سېكۇنت ئىچىدە ئۆتكۈزگۈچ جىسىمنىڭ توغرا كەسمە يۈزىدىن ئۆتكەن ئېلېكتر مىقدارى بىر كۇلۇن بولىدۇ.

كۇلۇنمېتىر

  • كۇلۇنمېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر (زەرەت) مىقدارىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇلما. ئېلېكترولىتلىق باتارىيىنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن ئوخشايدۇ. ئىشلىتىلگەندە، توك كۈچىنىشىنى ئۆزگەرتمەي ساقلايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن توك ئۆتكەن ۋاقىتنى ئۆلچەپ ۋە ماددىنىڭ ماسسىسىنى ئاجرىتىپ چىقىپ، توك كۈچىنىشىنى ھېسابلاپ چىقىشقا بولىدۇ.

كۇلۇب

  • كۇلۇب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] ① سىياسىي، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغان تەشكىلات ۋە ئۇنىڭ سورۇنى.[يەشمىسى:] ② كىنو، تىياتىر قويىدىغان زال، مەيدان؛ كىنوخانا:[مىسال:] ئۆكتەبىر كۇلۇبى. ياشلار كۇلۇبى. ئىشچىلار كۇلۇبى.

كۇلۇچ

  • كۇلۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ۋىنتا، گايكا قاتارلىقلارنى بوشىتىش، چىڭىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب:[مىسال:] چىراغ يورۇقىدا ھاشىمنىڭ قولىدىكى كۇلۇچ پارقىراپ كۆرۈنەتتى.

كۇلۇك

  • كۇلۇك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەيگىدە ئەڭ ئالدىغا ئۈزۈپ چىققان يۈگۈرۈك ئات.

كۇلۇڭ

  • كۇلۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوچاق، مەش قاتارلىقلارنىڭ كۈل چۈشىدىغان يېرى.

كۇلى

  • كۇلى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] شىنجاڭغا نىسبەتەن ئىچكى ئۆلكىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

كۇمپەيكۇم

  • كۇمپەيكۇم[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تارمار، گۇمران، ئوڭتەي-توڭتەي، پاچاق-پاچاق:[مىسال:] كۇمپەيكۇم بولماق.

كۇموس

  • كۇموس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يۆگەي ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى يۆگىمەچ غول، يوپۇرمىقى يىپ شەكلىدە، گۈل تاجى ئىنچىكە، ئۇزۇن، قىزىل ياكى ئاق رەڭدە بولىدۇ. ئەسلىي ماكانى تروپىك بەلۋاغ رايونلىرى ئىدى. ھازىر باشقا جايلاردىمۇ مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قاتارىدا ئۆستۈرۈلمەكتە.

كۇمۇش

  • كۇمۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بىر خىل ئۆسۈملۈك.

كۇمۇتا

  • كۇمۇتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھاشاراتلارنىڭ بىر ئائىلىسى. يېتىلگەنلىرىنىڭ تېنى ئىنتايىن كىچىك. قوڭۇر ياكى قارا رەڭلىك، سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى ئىنچىكە، ئۇزۇن، قانىتى قىسقا ۋە كەڭ، لىچىنكىسى يۇمىلاق تۈۋرۈكسىمان، ئاقۇچ كۈل رەڭ ياكى سېرىق تۈس ئالغان ئاقۇچ رەڭلىك. تەن يۈزى سىلىق، قورچىقى ئېللىپس شەكىللىك، قارامتۇل. تۇخۇمى ئورچۇق شەكىللىك، سارغۇچ ئاق رەڭلىك. بەزى چىشلىرى ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ قېنىنى شورايدۇ، بەزىلىرى يۇقۇملۇق كېسەل تارقىتىدۇ.

كۇمۇلەك

  • كۇمۇلەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كاللەك قىلىنغان، كاللەكلەشتۈرۈلگەن:[مىسال:] كۇمۇلەك ئاش.

كۇمىلاچ

  • كۇمىلاچ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇمىلاقلانغان، دۈگىلەك شەكىلگە كەلتۈرگەن:[مىسال:] كۇمىلاچ لاي. كۇمىلاچ دورا. كۇمىلاچ تام.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇمىلاق، دۈگىلەك قىلىنغان نەرسىلەر:[مىسال:] كىشىلەر قازىخانىنىڭ تېمىغا كۇمىلاچ ئېتىپ، ئۇنى ئېگىزلىتىۋاتقانىكەن.

كۇمىلاچلاتماق

  • كۇمىلاچلاتماق[يەشمىسى:] «كۇمىلاچلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] لاينى كۇمىلاچلاتماق.

كۇمىلاچلاشماق

  • كۇمىلاچلاشماق[يەشمىسى:] «كۇمىلاچلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىر توپ بالىلار لاي كۇمىلاچلىشىپ ئويناۋاتاتتى.

كۇمىلاچلانماق

  • كۇمىلاچلانماق[يەشمىسى:] «كۇمىلاچلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كۇمىلاچلىماق

  • كۇمىلاچلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۇمىلاچ ھالەتكە كەلتۈرمەك، كۇمىلاچ قىلماق، يۇمىلاقلىماق:[مىسال:] مۆمىن ئاكا كالىنىڭ تېزەكلىرىنى كۇمىلاچلاپ ئېغىلنىڭ تاملىرىغا چاپلاۋاتاتتى.

كۇننۇس

  • كۇننۇس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پىخسىق، بېخىل.

كۇنۇپكا

  • كۇنۇپكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گوللاندچە[[يەشمىسى:] ① قەغەز، رەسىم، رەخت قاتارلىقلارنى تام، دوسكا قاتارلىقلارغا بېكىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قالپاقلىق كىچىك مىخ، باسما مىخ.[يەشمىسى:] ② تۈرلۈك مېخانىزم ۋە ئېلېكتر ئەسۋابلىرىدىكى توكنى ئۇلاش ئۈچۈن بارماق بىلەن باسىدىغان تۈگمىچە:[مىسال:] كۇنۇپكىنى باسماق.

كۇھ

  • كۇھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] تاغ:[مىسال:] ساباھ يەتكۈز سالامىمنى يېتەرگۈل كۇھ دىلدارە، پەرىشان خاتىرەمدىن ئەرزى قىل ئول نازىنىن يارە.

كۇھىقاپ

  • كۇھىقاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قاپ تېغى يەنى چۆچەكلەردىكى تىلسىماتلىق، بارسا كەلمەس دەپ چۈشىنىلگەن ئەپسانىۋى تاغنىڭ نامى.

كۇۋاس

  • كۇۋاس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بولكا ياكى مېۋىلەرنى ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان بىر خىل سوغۇق ئىچىملىك.

كۆپ

  • كۆپ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سان ياكى مىقدار جەھەتتىن جىق، نۇرغۇن، تولا:[مىسال:] ياخشى ئاز، يامان كۆپ، بۇغداي ئاز، سامان كۆپ (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ناھايىتى، ئىنتايىن:[مىسال:] كۆپ ياخشى. كۆپ رازى. كۆپ رەھمەت.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۇزۇن، ئۇزاق ۋاقىت:[مىسال:] كۆپ ئۆتمەيلا ئۇلار يېتىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پات-پات، دائىم:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كۆپ بارىمەن.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئامما، خەلق، كۆپچىلىك:[مىسال:] كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ (ماقال). * كۆپ تۈكۈرسە كۆل بولار (ماقال).

كۆپ چىكىت

  • كۆپ چىكىت[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تىنىش بەلگىلىرىدىن بىرى. چېكىت سانى ئۈچ بولىدۇ (...). يازما نۇتۇقتا كەلتۈرۈلگەن نەقىلدىكى قىسقارتىۋېتىلگەن قىسمىنى، سۆزلىنىۋاتقان نۇتۇقتا ئېيتىلماي قالدۇرۇپ قويۇلغان قىسمىنى ياكى ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ ئېيتىلغان نۇتۇق ئارىلىقىدىكى توختاشنى بىلدۈرىدۇ.

كۆپ خانىلىق سان

  • كۆپ خانىلىق سان[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] خانىلىرى ئۈچتىن ئارتۇق بولغان سان.

كۆپ مەنىلىك سۆز

  • كۆپ مەنىلىك سۆز[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] بىرقانچە مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز. مەسىلەن، ئادەمنىڭ ياكى ھايۋاننىڭ بېشى، ئىشنىڭ بېشى، باش ۋەزىپە، باش قوشۇش، باش بۇرۇن دېگەنلەردە «باش» سۆزىنىڭ مەنىسى ھەر خىل كەلگەن. كۆپ مەنىلىك سۆزنىڭ بىرمەنىسى ئاساسىي مەنە بولىدۇ، يۇقىرىدىكى بىرىنچى مەنە شۇنداق؛ بۇ خىل سۆزنىڭ ھەممە مەنىلىرى ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ئورتاقلىق بولىدۇ.

كۆپەيتكۈچى

  • كۆپەيتكۈچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپەيتىش رولىنى ئوينايدىغان، كۆپەيتىدىغان:[مىسال:] كۆپەيتكۈچى ئىپادە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] كۆپەيتىش ئەمىلىدىكى باشقا سان كۆپەيتىلىدىغان سان. مەسىلەن، 5×3=51 دىكى 3 كۆپەيتكۈچىدۇر.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بىر پۈتۈن سان ئىككىنچى بىر پۈتۈن سانغا پۈتۈن بۆلۈنسە، كېيىنكىسى ئالدىنقىسىنىڭ كۆپەيتكۈچىسى بولىدۇ. مەسىلەن: 1، 2، 3، 4، 6 لەرنىڭ ھەممىسى 12 نىڭ كۆپەيتكۈچىلىرىدۇر.

كۆپەيتمە

  • كۆپەيتمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپەيتىلگەن، كۆپەيتىدىغان ياكى كۆپەيتىلىدىغان:[مىسال:] كۆپەيتمە نۇسخا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سان، ئىپادە قاتارلىقلارنى ئۆزئارا كۆپەيتىشتىن كېلىپ چىققان نەتىجە.

كۆپەيتمەك

  • كۆپەيتمەك[يەشمىسى:] ① «كۆپەيمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كېيىن ئاكام بۇ كىتابلارنى كۆپەيتىپ يېزىشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ھەسسىلىمەك، يەنى كۆپەيگۈچىنى كۆپەيتكۈچىنىڭ مىقدارى بويىچە ھەسسىلىمەك.

كۆپەيتىشمەك

  • كۆپەيتىشمەك[يەشمىسى:] «كۆپەيتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كۆپەيتىلمەك

  • كۆپەيتىلمەك[يەشمىسى:] «كۆپەيتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يىل ئىشلەپقىرىشقا كېتىدىغان مەبلەغ بۇلتۇرقىغا قارىغاندا ئازراق كۆپەيتىلدى.

كۆپەيگۈچى

  • كۆپەيگۈچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپىيىدىغان، كۆپىيىپ بارىدىغان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] كۆپەيتىش ئەمىلىدىكى بىر سانغا كۆپەيتىلىدىغان سان. مەسىلەن، 5×3=51 دىكى 5 كۆپەيگۈچىدۇر.

كۆپەيمەك

  • كۆپەيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سان ياكى مىقدار جەھەتتىن ئاشماق، جىقلىماق:[مىسال:] پۇل كۆپەيمەك. مال كۆپەيمەك. ئادەم كۆپەيمەك.[يەشمىسى:] ② نەسىللەنمەك، ئۇرۇقلانماق:[مىسال:] جىنسسىز كۆپەيمەك.

كۆپتۈرمە

  • كۆپتۈرمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قاپارتىلغان، كۆپتۈرۈلگەن:[مىسال:] كۆپتۈرمە نەقىش.[يەشمىسى:] ② مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن، كۆپتۈرۈلگەن، ئاشۇرۇۋېتىلگەن:[مىسال:] كۆپتۈرمە گەپ.

كۆپتۈرمەك

  • كۆپتۈرمەك[يەشمىسى:] ① «كۆپمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئېتىزنىڭ غۇر-غۇر شامىلى كۆڭلىكىنى كۆپتۈرۈپ، ئۇنى تېخىمۇ قامەتلىك كۆرسىتەتتى.[يەشمىسى:] ② مۇبالىغىلەشتۈرمەك، ئاشۇرۇۋەتمەك:[مىسال:] لېكىن قىيىنچىلىقنى قالايمىقان كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىش ئىشقا پايدا يەتكۈزمەيدۇ.

كۆپتۈرمىچى

  • كۆپتۈرمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گەپنى كۆپتۈرۈپ، ئاشۇرۇپ قىلىدىغان ئادەم؛ مۇبالىغە قىلغۇچى:[مىسال:] ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنگىلى بولامدۇ، ئۇچىغا چىققان كۆپتۈرمىچى تۇرسا.

كۆپتۈرۈشمەك

  • كۆپتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «كۆپتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بارغانسېرى ئالىمنىڭ ئېۋەن-نۇقسانلىرىنى كۆپتۈرۈشتى.

كۆپتۈرۈلمەك

  • كۆپتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كۆپتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كۆپتىن-كۆپ

  • كۆپتىن-كۆپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھايىتى كۆپ، ئىنتايىن كۆپ:[مىسال:] ياخشى ۋە يامان قىلىپ كۆپتىن-كۆپ نەسىھەتلەرنى قىلدى.

كۆپجۈمەك

  • كۆپجۈمەك[يەشمىسى:] ① كۆپمەك، بولماق (خېمىر ھەققىدە):[مىسال:] خېمىر كۆپجۈپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاچچىقلانماق، تېرىكمەك:[مىسال:] بىكاردىن-بىكار نېمە ئازاب بۇ دېدى ئالىم كۆپجۈگەن ھالدا رىزىۋانغا قاراپ.

كۆپچىلىك

  • كۆپچىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم دائىرىدىكى كىشىلەر توپى، خالايىق، خەلق:[مىسال:] ئۇنىڭ سۆزى كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىدىكى سۆز ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپلىگەن، نۇرغۇنلىغان:[مىسال:] كۆپچىلىك كىشىلەر سەلىمەنى ياخشى قىز دەپ قارايتتى.

كۆپسىمەك

  • كۆپسىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەزۋەيلىمەك، ئەدەپ كەتمەك.

كۆپلەپ

  • كۆپلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كۆپ ساندا، كۆپ مىقداردا:[مىسال:] ئۇلار ئۆي جاھازىلىرىغا كېرەكلىك ماتېرىياللارنىمۇ كۆپلەپ سېتىۋالماقتا.

كۆپلۈك

  • كۆپلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سان-مىقدار جەھەتتىن جىقلىق، نۇرغۇنلۇق، كۆپ سانلىق.

كۆپمە

  • كۆپمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپىدىغان، كۆپۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە:[مىسال:] كۆپمە سېمونت.

كۆپمەك

  • كۆپمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۆرلىمەك، كېڭەيمەك، يوغىنىماق، كۆپجۈمەك:[مىسال:] شاپ يېگەن تۆگىنىڭ قورسىقى كۆپۈپ كېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] رەنجىمەك، نارازى بولماق:[مىسال:] بار دەپ تۆكمە، يوق دەپ كۆپمە (ماقال).

كۆپۈشمەك

  • كۆپۈشمەك[يەشمىسى:] «كۆپمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ تاپتا ئەكبەرنىڭ تومۇرلىرى بىرئاز كۆپۈشكەندەك قىلاتتى.

كۆپۈك

  • كۆپۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گازلارنىڭ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۇيۇقلۇق ئىچىدە قورشىلىپ قېلىشىدىن ھاسىل بولغان شارسىمان ھالىتى:[مىسال:] سۇ كۆپۈكى. پىۋا كۆپۈكى.

كۆپۈككە ئايلانماق

  • كۆپۈككە ئايلانماق[يەشمىسى:] يوققا چىقماق، يوقالماق، بەربات بولماق:[مىسال:] مېنىڭ بۇ شېرىن خىيالىم كۆپۈككە ئايلىنىپتۇ-دە.

كۆپۈكچە

  • كۆپۈكچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كىچىك كۆپۈك.

كۆپۈكلەشمەك

  • كۆپۈكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆپۈك ھاسىل بولماق، كۆپۈككە ئايلانماق، كۆپۈكلەنمەك:[مىسال:] دەريا سۈيى كۆپۈكلىشىپ ئاقماقتا ئىدى.

كۆپۈكلەندۈرگۈچ

  • كۆپۈكلەندۈرگۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] بېتون ۋە سېمونت لاينىڭ ئارىسىغا ئارىلاشتۇرۇلغاندا كۆپلىگەن ئۇششاق كۆپۈكچىلەرنى پەيدا قىلىدىغان خىمىيىۋى بىرىكمە.

كۆپۈكلەندۈرمەك

  • كۆپۈكلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «كۆپۈكلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كۆپۈكلەنمەك

  • كۆپۈكلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆپۈك پەيدا قىلماق، كۆپۈككە ئايلانماق، كۆپۈكلەشمەك:[مىسال:] زەيتۇنەم ئېرىقتا تولغىنىپ، كۆپۈكلىنىپ ئېقىۋاتقان سۇغا قاراپ بىرپەس ئويلاندى.

كۆپۈكلۈك

  • كۆپۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپۈكى بار، كۆپۈك چىقارغان، كۆپۈكلەنگەن:[مىسال:] كۆپۈكلۈك ئەينەك. كۆپۈكلۈك بېتون.

كۆپۈنگۈ

  • كۆپۈنگۈ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوتتۇرىسى چۆرىسىدىن ئېگىز، سىرتىغا كۆپكەن، بۆرتمە:[مىسال:] كۆپۈنگۈ ئەينەك. كۆپۈنگۈ لىنزا. كۆپۈنگۈ بەت.

كۆپىنچە

  • كۆپىنچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كۆپ ھاللاردا، كۆپ ۋاقىتلاردا، تولاراق:[مىسال:] ئۇنىڭ ھالىدىن كۆپىنچە 15 ياشلىق يالغۇز ئوغلى خەۋەر ئېلىپ تۇردى.

كۆت

  • كۆت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قوڭ:[مىسال:] كۆتىگە تەپمەك. * ئىت ئۇستىخان يېسە كۆتى بىلەن كېڭىشەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] ھېجىقىز، بەچچە.

كۆتى بىلەن ئاغزىنىڭ پەرقى يوق

  • كۆتى بىلەن ئاغزىنىڭ پەرقى يوق[يەشمىسى:] گېپىدە تۇرمايدىغان، سۆزىدىن بىردەمدىلا يېنىۋالىدىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، بىردەمدىلا يېنىۋالىدۇ، كۆتى بىلەن ئاغزىنىڭ پەرقى يوق.

كۆتى پوق

  • كۆتى پوق[يەشمىسى:] «قوڭى پوق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئۆزۈڭنىڭ كۆتى پوق، شۇڭا گەپ قىلالمايسەن، دېدى ئالىم.

كۆتىگە پوق كەپلەشمەك

  • كۆتىگە پوق كەپلەشمەك[يەشمىسى:] بىرەر جىددىي ئەھۋالغا، قىيىنچىلىققا يولۇقماق:[مىسال:] ئۇ دائىم كۆتىگە پوق كەپلەشكەندە، مېنى ئىزدەيدۇ.

كۆتىگە سۆيگۈدەك بولماق

  • كۆتىگە سۆيگۈدەك بولماق[يەشمىسى:] قاتتىق يېلىنماق، يالۋۇرماق:[مىسال:] ئۇ ئەترەت باشلىقىنىڭ كۆتىگە سۆيگۈدەك بولغان بولسىمۇ، ئەترەت باشلىقى ئۇنىڭغا بىر جىڭمۇ ئۇن بەرمىدى.

كۆتىگە سېرىق تۈك ئۈنمىگەن

  • كۆتىگە سېرىق تۈك ئۈنمىگەن[يەشمىسى:] تېخى ئىش كۆرمىگەن، گۆدەك:[مىسال:] ئۇ تېخى كۆتىگە سېرىق تۈك ئۈنمىگەن نېمە، ئۇنىڭغا مەسلىھەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

كۆتىنى قىسماق

  • كۆتىنى قىسماق[يەشمىسى:] تاپتىن چىقماي، يامان ئىشلارغا ئارىلاشماي جىم يۈرمەك:[مىسال:] ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي، كۆتۈڭنى قىس، يولۇڭغا ماڭ (ماقال).

كۆتىنى كولىماق

  • كۆتىنى كولىماق[يەشمىسى:] «قوڭىنى كوچىلىماق»قا قاراڭ:[مىسال:] خەقنىڭ كۆتىنى كولىماي، ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى قىل.

كۆتىنىڭ پىرى تۇتماق

  • كۆتىنىڭ پىرى تۇتماق[يەشمىسى:] جاھىللىقى تۇتماق، رەنجىپ قىيدىماق، تەتۈر قاراپ يۈرمەك.

كۆتىنى ئېلىپ يۈزىگە چاپلىماق

  • كۆتىنى ئېلىپ يۈزىگە چاپلىماق[يەشمىسى:] يۈزسىزلىك قىلماق، يۈز ئۆرۈمەك:[مىسال:] ئۇ ئاخىر كۆتىنى ئېلىپ يۈزىگە چاپلىدى، ئاغزىغا كەلگەننى دەپ چىقىپ كەتتى.

كۆتىنى يۈزىگە چاپلىماق

  • كۆتىنى يۈزىگە چاپلىماق[يەشمىسى:] «كۆتىنى ئېلىپ يۈزىگە چاپلىماق»قا قاراڭ.

كۆتى ئوچۇق

  • كۆتى ئوچۇق[يەشمىسى:] ھېچنېمىسى يوق، نامرات؛ باشقىلارنى دەپ ئۆزى زىيان تارتىدىغان:[مىسال:] كۆڭۈلچەڭنىڭ كۆتى ئوچۇق (ماقال).

كۆتى ئېغىر

  • كۆتى ئېغىر[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا ئاسانلىقچە ئالدىرىمايدىغان، ھۇرۇن؛ جايىدىن، ئولتۇرغان يېرىدىغان ئاسانلىقچە قوزغالمايدىغان:[مىسال:] تازىمۇ كۆتى ئېغىر مېھمانلار ئىكەن بۇ، دېدى سەلەي.

كۆتەك

  • كۆتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دەرەخنىڭ كېسىلگەندىن كېيىنكى يىلتىز بىلەن قېلىپ قالغان تۆۋەنكى قىسمى:[مىسال:] ئالما كۆتىكى.[يەشمىسى:] ② دىئامېتىرى چوڭ، توم، قىسقاراق ياغاچ:[مىسال:] بۇ كۆتەكنى تىلسا نۇرغۇن شال چىقىدۇ، دېدى سەلەي.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تالون ۋە ئىسپاتلارنى يېزىپ بەرگەندەك، تالون ۋە ئىسپاتنىڭ يېزىپ بەرگۈچىدە قېلىپ قالىدىغان قىسمى.

كۆتەكلىك

  • كۆتەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەر خىل كۆتەك كۆپ يەر.

كۆتەڭگەي

  • كۆتەڭگەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يېغىر، يارا.

كۆتەل

  • كۆتەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاغنىڭ بېلى، داۋان.

كۆتەن

  • كۆتەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئۈچەي يولىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بۆلىكى. يۇقىرى تەرىپى «S» شەكىللىك بوغماق ئۈچەي بىلەن، تۆۋەن تەرىپى مەقئەت بىلەن تۇتىشىدۇ. ئادەتتە ئۇ سۇ تەركىبىنى سۈمۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. چوڭ-كىچىك تەرەت كۆتەنگە كەلگەندە، كۆتەن يىغىلىپ، مەقئەت ئەتراپىدىكى پۈرمە مۇسكۇل كېرىلىدۇ-دە، تەرەت مەقئەت ئارقىلىق سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ.

كۆتەنباش

  • كۆتەنباش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆتەن+باش[[يەشمىسى:] ① چوڭ تەرەت چىقىدىغان ئېغىز، پۈرۈك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشنىڭ باشلىنىش مەنبەسى:[مىسال:] ھەر ئەترەتتە 30 توخۇ ئەمەس، 30 دەك قويمۇ ئۆز رىزقىنى تېپىپ يېيەلەيدۇ ئەمەسمۇ دېمەك ئىشنىڭ كۆتەنبېشى مەندە ئىكەن.

كۆتلەش

  • كۆتلەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] ھېجىقىز.

كۆتلۈك

  • كۆتلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قۇشقۇن.

كۆتمەك

  • كۆتمەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قىسقا، كالتە:[مىسال:] كۆتمەك بۇرۇت. كۆتمەك قۇيرۇق.[يەشمىسى:] ② شاخ-شۇمبىلىرى بولمىغان:[مىسال:] كۆتمەك قەلەم.

كۆتمەكلەشتۈرمەك

  • كۆتمەكلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «كۆتمەكلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئاسىم ساتىراش ئۇنىڭ ئۇزۇن بۇرۇتلىرىنى قىرقىپ كۆتمەكلەشتۈرۈپ قويدى.

كۆتمەكلەشتۈرۈلمەك

  • كۆتمەكلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كۆتمەكلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كۆتمەكلەشمەك

  • كۆتمەكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆتمەك بولۇپ قالماق، كۆتمەك ھالەتكە كەلمەك.

كۆتۈر

  • كۆتۈر[يەشمىسى:] «كۆتۈرمەك» پېئىلىنىڭⅡشەخس بۇيرۇق شەكلى.

كۆتۈر قاسقىنىڭنى

  • كۆتۈر قاسقىنىڭنى[يەشمىسى:] ماڭە نېرى، كۆزۈمدىن يوقال:[مىسال:] كۆتۈر قاسقىنىڭنى مەندىن ئالساڭ، ماشىنىنى ئالىسەن، جاننى ئالمايسەن.

كۆتۈر قولۇڭنى

  • كۆتۈر قولۇڭنى[يەشمىسى:] تەسلىم بول، ئەل بول:[مىسال:] ئامانقۇللار بىردىنلا «كۆتۈر قولۇڭنى» دەپ توۋلاپ، مىلتىقلىرىنى شاراقلاتتى.

كۆتۈر كەشىڭنى

  • كۆتۈر كەشىڭنى[يەشمىسى:] «كۆتۈر قاسقىنىڭنى»غا قاراڭ:[مىسال:] كۆتۈر كەشىڭنى ئابدۇللا سەلەينىڭ سۆزىنى بۆلدى ۋە دەرغەزەپ بولۇپ قولىدىكى ھاراقنى سەلەينىڭ يۈزىگە چېچىۋەتتى.

كۆتۈر كۈدە-كۆرپەڭنى

  • كۆتۈر كۈدە-كۆرپەڭنى[يەشمىسى:] «كۆتۈر قاسقىنىڭنى»غا قاراڭ.

كۆتۈر لاقا-لۇقاڭنى

  • كۆتۈر لاقا-لۇقاڭنى[يەشمىسى:] «كۆتۈر قاسقىنىڭنى»غا قاراڭ.

كۆتۈرە

  • كۆتۈرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پايدا-زىيان ۋە ئاقىۋىتىگە ئۆزى ئىگە بولۇش شەرتى بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەسئۇليەت؛ ھۆددە:[مىسال:] كۆتۈرە ئالماق. كۆتۈرە بەرمەك.

كۆتۈرەڭگۈ

  • كۆتۈرەڭگۈ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھاياتى كۈچكە تولغان؛ يۇقىرى ئۆرلىگەن؛ جۇشقۇن:[مىسال:] كۆتۈرەڭگۈ روھ. كۆتۈرەڭگۈ ئاۋاز.

كۆتۈرەڭگۈلەشمەك

  • كۆتۈرەڭگۈلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆتۈرەڭگۈ ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئۇ روھىي جەھەتتىن كۆتۈرەڭگۈلىشىپ خېلى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى.

كۆتۈرەڭگۈلۈك

  • كۆتۈرەڭگۈلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆتۈرەڭگۈ ھالەت، كۆرەڭگۈ كەيپىيات:[مىسال:] سەپسېلىپ قارىسىڭىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىر خىل روھىي كۆتۈرەڭگۈلۈك، چىرايلىرىدىن شادلىق يېغىپ تۇرىدۇ.

كۆتۈرەلىگۈسىز

  • كۆتۈرەلىگۈسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ناھايىتى ئېغىر، كۆتۈرگىلى بولمايدىغان:[مىسال:] كۆتۈرەلىگۈسىز ئېغىر يۈك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چىدىغىلى بولمايدىغان، بەك ئېغىر:[مىسال:] كۆتۈرەلىگۈسىز ئازاب. كۆتۈرەلىگۈسىز خورلۇق.

كۆتۈرەم

  • كۆتۈرەم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈچ ئېلىپ كەتكەن، ئادەتتىن تاشقىرى جىق ئىشلەپ ئىقتىدارىنى يوقاتقان، ئاجىزلاپ كەتكەن؛ ئورۇق، ئاجىز (مال-چارۋا ھەققىدە):[مىسال:] كۆتۈرەم ئات. كۆتۈرەم ئېشەك.

كۆتۈرتمەك

  • كۆتۈرتمەك[يەشمىسى:] «كۆتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كۆتۈرمە

  • كۆتۈرمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يەردىن مەلۇم ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلۈپ سېلىنغان، ياسالغان، كۆتۈرۈلگەن:[مىسال:] كۆتۈرمە كۆۋرۈك. كۆتۈرمە قاش. كۆتۈرمە ئېرىق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىم ئېتەكلىرىنىڭ يۇمىلاق ۋە بەدەنگە ماس كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى-كەينى پەشنى پاراللېل سىزىقتىن مەلۇم دەرىجىدە كۆتۈرۈپ كېسىش جەريانى.

كۆتۈرمەك

  • كۆتۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يەردىن، تۇرغان جايىدىن ئاجرىتىپ ئالماق:[مىسال:] تاغار كۆتۈرمەك.[يەشمىسى:] ② يەردىن، تۇرغان جايىدىن ئاجراتقان ھالدا تۇتماق، تۇتۇپ تۇرماق:[مىسال:] سومكا كۆتۈرۈپ تۇرماق. بالا كۆتۈرۈپ تۇرماق.[يەشمىسى:] ③ يۇقىرى چىقارماق، يۇقىرىلاتماق:[مىسال:] ھېلىقى كىشى مالخىيىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ، جاۋاب ئورنىغا:[مىسال:] قايسىڭلار باشلىق دەپ سوئال سورىدى.[يەشمىسى:] ④ مەلۇم دەرىجىگە يەتكۈزمەك؛ ئۆرلەتمەك:[مىسال:] پرىنسىپقا كۆتۈرمەك. * شەۋكەت بىرپەس جىم بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ئاۋازىنى تېخىمۇ كۆتۈردى.[يەشمىسى:] ⑤ تىك، ئۆرە، ئۈستۈن قىلماق:[مىسال:] ئەكبەر بېشىنى كۆتۈرۈپ مەنسۇرغا قارىدى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پەيدا قىلماق، بەرپا قىلماق، مەيدانغا كەلتۈرمەك:[مىسال:] توپىلاڭ كۆتۈرمەك. قوزغىلاڭ كۆتۈرمەك. غوۋغا كۆتۈرمەك.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاشۇرماق، ئۆستۈرمەك:[مىسال:] مال باھاسىنى كۆتۈرمەك. ئىناۋىتىنى كۆتۈرمەك.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەزىم قىلماق، سىڭدۈرمەك:[مىسال:] ئۇ تاماقنى ھەرقانچە كۆپ يېسىمۇ كۆتۈرەلەيدۇ.[يەشمىسى:] ⑨ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىچمەك (ھاراق ھەققىدە):[مىسال:] قويە، قېنى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بىر كۆتۈرەيلى.[يەشمىسى:] 01 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆز ئۈستىگە ئالماق، ئۆز ھېسابىدىن تۆلىمەك:[مىسال:] مەكتەپ مۇدىرى ئۇنى توختىتىپ بۇ پۇلنى مەكتەپ كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.[يەشمىسى:] 11 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يوق قىلماق، بىكار قىلماق؛ چىقىرىۋەتمەك:[مىسال:] قەرزىنى كۆتۈرۈۋەتمەك.[يەشمىسى:] 21 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چىدىماق، بەرداشلىق بەرمەك:[مىسال:] گەپ كۆتۈرمەك. ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرمەك. * يىگىت قەرز كۆتۈرەر، ئۆلۈك توپا (ماقال).[يەشمىسى:] 31 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خۇشال قىلماق، شادلاندۇرماق:[مىسال:] كۆڭۈلنى كۆتۈرمەك.[يەشمىسى:] 41 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چىقىنماق، چىقىش قىلماق:[مىسال:] گۇڭ كۆتۈرمەك.

كۆتۈرۈپ چىقماق

  • كۆتۈرۈپ چىقماق[يەشمىسى:] ئوتتۇرىغا قويماق، پەيدا قىلماق:[مىسال:] گۈزەلئايغا قىلغان تۆھمەتنى بىرىنچى بولۇپ رەقىپ كۆتۈرۈپ چىقتى.

كۆتۈرمىچى

  • كۆتۈرمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تەخسىكەش، خۇشامەتچى، غالچا.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئوغرى.

كۆتۈرمىچىلىك

  • كۆتۈرمىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆتۈرمىچىلەرگە خاس قىلىق، خۇشامەتچىلىك.

كۆتۈرمىكەش

  • كۆتۈرمىكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «كۆتۈرمىچى»گە قاراڭ.

كۆتۈرمىكەشلىك

  • كۆتۈرمىكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «كۆتۈرمىچىلىك»كە قاراڭ.

كۆتۈرمىلىك

  • كۆتۈرمىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆتۈرۈلگەن، كۆتۈرۈپ سېلىنغان:[مىسال:] ھاجى كۆتۈرمىلىك ئوردىنىڭ سول قانىتىدىكى ھۇجرىغا كىرىپ كەتتى.

كۆتۈرۈشچان

  • كۆتۈرۈشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان، كۆتۈرەلەيدىغان:[مىسال:] كۆتۈرۈشچان جىسىم.

كۆتۈرۈشچانلىق

  • كۆتۈرۈشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] قۇرۇلۇش گەۋدىسىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئېغىرلىق كۈچ مىقدارى.

كۆتۈرۈشلۈك

  • كۆتۈرۈشلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆتۈرەلەيدىغان؛ چىداشلىق، بەرداشلىق:[مىسال:] ئادەم دېگەن كۆتۈرۈشلۈك ئىكەن. * مۇدىر ھاراق كۆتۈرۈشلۈكرەك بولسا كېرەك، خېلى سەگەك ئىدى.

كۆتۈرۈشمەك

  • كۆتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «كۆتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ چاغدا، بىرنەچچە ئوقۇتقۇچى بىلەن بىللە كەتمەن، گۈرجەك كۆتۈرۈشۈپ رەيھان يېتىپ كەلدى.

كۆتۈرۈلمەك

  • كۆتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] ① «كۆتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ چاغدا يېنىك بىر شامال پەيدا بولۇپتۇ-دە، ۋەزىرنىڭ ئوغلى يېڭى ساراي بىلەن قوشۇلۇپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپتۇ.[يەشمىسى:] ② «كۆتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كادىر ئورنىدىن سەل كۆتۈرۈلۈپ ئالدىغا ئېڭىشتى. * كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھال-ئوقىتى، تۇرمۇشى ياخشىلانماق:[مىسال:] دېھقانلار بۇرۇنقىدىن جىق كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قارشى كۈرەش قىلماق، قوزغىلاڭ قىلماق، قوزغالماق:[مىسال:] ئۇلار «ۋاڭ غوجام بىزنى ئەزدى، چىدىغۇدەك ھالىمىز قالمىدى، بىز ئەمدى كۆتۈرۈلىمىز، تەييار بولۇپ كەتتۇق» دەپتۇدەك.

كۆتۈرۈم

  • كۆتۈرۈم[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ كۆتۈرۈشكە، كۆتۈرگىلى بولىدىغان، «يۈدۈم»، «قۇچاق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر كۆتۈرۈم ئوتۇن.

كۆتۈك

  • كۆتۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پادىچىلارغا بېرىدىغان ئىش ھەققى.

كۆتۋەللىك

  • كۆتۋەللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قۇشقۇن.

كۆتىچە

  • كۆتىچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئارقىسىچە، قوڭىچە؛ مەسخىرە قىلىپ، شۇملۇق بىلەن:[مىسال:] كۆتىچە كۈلمەك.

كۆتىچەك

  • كۆتىچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوناق، كېۋەز، ئاپتاپپەرەس قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئورۇلغاندىن كېيىنكى يەردە قېلىپ قالغان قىسمى؛ تۈپچەك.

كۆتىيوغان

  • كۆتىيوغان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆت+ى+يوغان[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] «چىيقان»غا قاراڭ.

كۆجە

  • كۆجە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا قىيما، چامغۇرغا ئوخشاش بەزى كۆكتاتلارنى سالغاندىن باشقا ئاساسەن بەك پىشىپ كەتمىگەن بۇغداي، قوناق دانلىرىنى سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل سۇيۇق يېمەكلىك.

كۆجۈم

  • كۆجۈم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زىچ، قويۇق، توپ:[مىسال:] كۆجۈم يېزا. * مۇشۇ كىچىككىنە كۆجۈم مەھەللىنىڭ ئەڭ چېتىگە تۇل خوتۇن ئايشەمخاننىڭ ئۆيى جايلاشقان.

كۆجۈملەشتۈرمەك

  • كۆجۈملەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «كۆجۈملەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يىل 30 مىڭ مودىن ئارتۇق تەبىئىي يۇلغۇنلۇقنى پەرۋىش قىلىش، خەۋەر ئېلىش، كۆجۈملەشتۈرۈشكە بەش كىشى ئاجرىتىلدى.

كۆجۈملەشتۈرۈلمەك

  • كۆجۈملەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كۆجۈملەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يېزا-قىشلاقلار بىر يەرگە كۆجۈملەشتۈرۈلدى.

كۆجۈملەشمەك

  • كۆجۈملەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆجۈم ھالەتكە كەلمەك، زىچلاشماق، قويۇقلاشماق، توپلاشماق:[مىسال:] ئىلگىرىكى تارقاق كەنتلەر ھازىر كۆجۈملەشتى.

كۆجۈملۈك

  • كۆجۈملۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زىچلىق؛ توپ-توپ، زىچ ئورۇنلاشقان ھالەت:[مىسال:] كۆجۈملۈك كوچا-كوي، شاۋقۇنلۇق شەھەر، تەپەككۇر قۇشلىرىم شۇنچىلىك ئويناق. جىلۋىگەر يۇلتۇزلار ئۇچۇشار ھەريان، نەقەدەر گۈزەل-ھە، بۇ ئانا تۇپراق.

كۆچ

  • كۆچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كۆچۈش پەيتىدە توشۇلىدىغان ئۆي-روزغار بۇيۇملىرىدىن ئىبارەت يۈك:[مىسال:] چارۋىچىلارنىڭ كۆچ ئارتقان تۆگە، قوتازلىرى تاغ باغرىدىكى چىغىر يولدا قاتار كېتىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆچىدىغان، كۆچكەن قار:[مىسال:] كۆچ كۆچتى.

كۆچە

  • كۆچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] خوتۇن، رەپىقە.

كۆچەت

  • كۆچەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئورمانچىلىق<[يەشمىسى:] ئادەتتە ئۇرۇقىنى تېرىش، ئۇلاش ياكى قەلەمچە قىلىپ تىكىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلۈۋاتقان دەرەخلەرنىڭ كىچىك تۈپى، ياش دەرەخ، جىرىم.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پارنىك ياكى باشقا ئىسسىق جايدا يېتىشتۈرۈلگەن ھەمدە كۆچۈرۈپ تىكىشكە تەييارلانغان ياش ئۆسۈملۈك:[مىسال:] پەمىدۇر كۆچىتى.

كۆچەتچىلىك

  • كۆچەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆچەت يېتىشتۈرۈش ئىشى.

كۆچەتخانا

  • كۆچەتخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئورمانچىلىق<[يەشمىسى:] دەل-دەرەخ كۆچەتلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان جاي، كۆچەتزارلىق.

كۆچەتزار

  • كۆچەتزار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «كۆچەتلىك»كە قاراڭ.

كۆچەتزارلىق

  • كۆچەتزارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «كۆچەتلىك»كە قاراڭ:[مىسال:] ۋاھاپنىڭ كەتمىنى ئاخشام بوز يەردىكى كۆچەتزارلىقتا قالغانىدى.

كۆچەتلىك

  • كۆچەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆچەت تىككەن، كۆچەت ئۆستۈرۈلىدىغان جاي، ئورۇن:[مىسال:] كۆچەتلىكتە ئىككى كىشىنىڭ سايىسى كۆرۈندى.

كۆچكۆچ

  • كۆچكۆچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆچ+كۆچ[[يەشمىسى:] ① بىر تۈركۈم خەلقنىڭ بىر جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا يۆتكىلىش ھادىسىسى.[يەشمىسى:] ② 1871-يىلىدىكى چاررۇسىيە جاھانگىرلىكىنىڭ غۇلجىدىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي رۇسىيىگە (ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ياركەنت رايونىغا)كۆچۈرۈش ۋەقەسى:[مىسال:] كۆچكۆچ ناخشىسى. * مېنىڭ چوڭ بوۋام 1871-يىلىدىكى كۆچكۆچتە غۇلجىدىن چىققانىكەن.

كۆچكۈن

  • كۆچكۈن[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆچۈپ يۈرىدىغان، بىر جايىدا تۇرمايدىغان:[مىسال:] يۇلتۇزلار تەخمىنەن ئۈچ خىل بولىدۇ:[مىسال:] تۇراقلىق يۇلتۇز، سەييارە يۇلتۇز، كۆچكۈن يۇلتۇز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆچىدىغان، كۆچكەن نەرسە:[مىسال:] قارىيىپ كۆرۈنگەن يار بوشلۇقىدا، كۆچكۈننىڭ تەۋرىشى، گۈلدۈرلىشى بار. ئەبەدىي توڭلىماس شارقىراتمىدا، تاغلارنىڭ ھاياتقا سۆيگۈسى ئاقار.

كۆچمە

  • كۆچمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىر جايدا تۇرماي، جايدىن-جايغا كۆچۈپ يۈرىدىغان، كۆچۈپ يۈرۈپ ئىشلەيدىغان:[مىسال:] كۆچمە كىنو. كۆچمە كۈتۈپخانا.[يەشمىسى:] ② مۇسابىقىدە كېيىنكى غالىبقا ئېلىپ بېرىلىدىغان:[مىسال:] كۆچمە قىزىل بايراق. كۆچمە لوڭقا تالىشىش مۇسابىقىسى.[يەشمىسى:] ③ سىلجىپ، سۈرۈلۈپ ياكى ئۇچۇپ، باشقا جايغا كۆچۈپ يۈرىدىغان:[مىسال:] كۆچمە قۇم. كۆچمە مۇز تاغ.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئەسلىي مەنىسىدىن باشقا مەنىدە ئىشلىتىلگەن:[مىسال:] كۆچمە مەنە.

كۆچمەك

  • كۆچمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا يۆتكەلمەك، كەتمەك:[مىسال:] ئۆي كۆچمەك. * كەمبەغەل بولساڭ كۆچۈپ باق (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئاتلىماق، ئۆرلىمەك:[مىسال:] سىنىپتىن سىنىپقا كۆچمەك.[يەشمىسى:] ③ ئېقىپ يۈرمەك، تارقالماق، داۋاملاشماق:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ مەلىكە گۈلچېھرىنىڭ تەرىپى ئېغىزدىن ئېغىزغا، ئاتىدىن-بالىغا كۆچۈپ بىزگىچە يېتىپ كېلىپتۇ.[يەشمىسى:] ④ گەپ ياكى مەسىلىنىڭ نۇقتىسىنى باشقا ياققا يۆتكىمەك، بۇرىماق:[مىسال:] بولدى، ئەمدى بىز داۋالاش ئۇسۇلىغا دائىر ئەمەلىي مەسىلىگە كۆچەيلى.

كۆچمەن

  • كۆچمەن[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆچۈپ يۈرىدىغان، كۆچۈپ يۈرۈشنى ئادەت قىلغان:[مىسال:] كۆچمەن ئادەم. كۆچمەن چارۋىچى. كۆچمەن تۇرمۇش.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر جايدا تۇرماي ئۇ يەردىن بۇ يەرگە كۆچۈپ يۈرىدىغان ئادەم:[مىسال:] ياركەنت 1883-يىلنىڭ باشلىرىغىچە ئىلىدىن يەتتىسۇ رايونىغىچە كۆچۈپ چىققان ئاتمىش نەچچە مىڭ ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ بىر قىسمى تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان شەھەر ئىدى.

كۆچمەنلىك

  • كۆچمەنلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆچۈپ يۈرۈش پائالىيىتى، ئىشى:[مىسال:] ئۇلار كۆچمەنلىكتە تۆت-بەش يىلنى ئۆتكۈزدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆچۈپ يۈرىدىغان:[مىسال:] ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئوۋچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ۋە كۆچمەنلىك تۇرمۇشتىن تەدرىجىي ھالدا مەدەنىي شەھەر تۇرمۇشىغا قەدەم قويغان.

كۆچۈرتمەك

  • كۆچۈرتمەك[يەشمىسى:] «كۆچۈرمەك» پېئىلىنڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىر كىتابپۇرۇش بوۋاي ئاكامغا قۇرئاننىڭ يىرتىلىپ كەتكەن ۋاراقلىرىنى ئەكىلىپ، ھەربىرىنى بەش سومدىن ھەق تۆلەپ كۆچۈرتەتتى.

كۆچۈرگۈچى

  • كۆچۈرگۈچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەسەر، ھۆججەت، خەت-چەك قاتارلىق يازما ماتېرىيالنى باشقا قەغەزگە كۆچۈرۈپ يازغۇچى كىشى:[مىسال:] ئۇ بۆلۈم باشلىقى بولۇشتىن ئىلگىرى 15 يىل بۆلۈمدە كۆچۈرگۈچى بولۇپ ئىشلىگەن.

كۆچۈرگۈچىلىك

  • كۆچۈرگۈچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆچۈرۈش، يېزىش ئىشى، كەسپى.

كۆچۈرمە

  • كۆچۈرمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەسلىي نۇسخىدىن يېزىپ، سىزىپ، كۆچۈرۈپ ئېلىنغان:[مىسال:] كۆچۈرمە بۆلەك. كۆچۈرمە نۇسخا. كۆچۈرمە گەپ. كۆچۈرمە تەركىب.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ ئىشىدىن، ئەسىرىدىن ئەينەن ياكى قىسمەن كۆچۈرۈلگەن، ئوغرىلانغان:[مىسال:] كۆچۈرمە ئەسەر.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەسلىي نۇسخىدىن يېزىپ، سىزىپ، كۆچۈرۈپ ئېلىنغان نۇسخا.

كۆچۈرمەك

  • كۆچۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «كۆچمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆي كۆچۈرمەك. * ئەمدى گەپنى يەنە ئالماس ئۈستىگە كۆچۈرىمىز.[يەشمىسى:] ② بىرەر يازما ماتېرىيالنى قايتىدىن باشقا قەغەزگە يازماق:[مىسال:] كونسپىك كۆچۈرمەك.[يەشمىسى:] ③ خۇراپىي ئادەت بويىچە كېسەلگە چاپلىشىۋالغان جىننى، كېسەللىكنى باشقا بىرنەرسىگە يۆتكەپ داۋالىماق.

كۆچۈرمىچى

  • كۆچۈرمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يازما ماتېرىيالنى قايتىدىن كۆچۈرۈپ چىقىدىغان ئادەم.[يەشمىسى:] ② باشقىلار يازغان ئەسەرلەرنى كۆچۈرۈۋېلىپ، ئۆزىنىڭ قىلىپ كۆرسىتىدىغان ئادەم:[مىسال:] كۆچۈرمىچى شائىر.

كۆچۈرمىچىلىك

  • كۆچۈرمىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆچۈرۈش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] كۆچۈرمىچىلىك قىلماق.

كۆچۈرمىكەش

  • كۆچۈرمىكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «كۆچۈرمىچى»گە قاراڭ.

كۆچۈرمىكەشلىك

  • كۆچۈرمىكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «كۆچۈرمىچىلىك»كە قاراڭ:[مىسال:] كۆچۈرمىكەشلىك قىلماق.

كۆچۈرۈشمەك

  • كۆچۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «كۆچۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئۆيلىرىنى شەھەردىن يىراق جايلارغا كۆچۈرۈشتى.

كۆچۈرۈلمە

  • كۆچۈرۈلمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئارخېئولوگىيە<[يەشمىسى:] قەدىمكى خاتىرە تاش، ساپال، مېتال يادىكارلىقلاردىكى ئويۇلغان خەت ياكى باشقا نۇسخىلارنىڭ قەغەزگە ئەينەن كۆچۈرۈۋېلىنغان قىسمى.

كۆچۈرۈلمەك

  • كۆچۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كۆچۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] پارنىكتا ئۆستۈرۈپ، قوغۇنلۇققا يانداپ كۆچۈرۈلگەن شوخلا، لازىلارمۇ تېزلا ئاينىپ، غۇچچىدە چېچەكلەپ كەتكەنىدى.

كۆچۈشمەك

  • كۆچۈشمەك[يەشمىسى:] «كۆچمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار دەريا بويىغا كۆچۈشتى.

كۆرە

  • كۆرە[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن كەلگەن ئىسىملاردىن كېيىن كېلىپ «... غا نىسبەتەن»، «... غا قارىغاندا» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىكار تۇرغاندىن كۆرە، ئىشلەپ تۇرغان ياخشى.

كۆرەك

  • كۆرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھەرقايسى ئورۇن ۋە ئىدارە جەمئىيەتلەر تەييارلىغان ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، يالغۇز ۋە كوللېكتىپ ھالدا ئورۇنداش پائالىيىتى:[مىسال:] ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى.[يەشمىسى:] ② يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەربىي قىسىم ۋە خەلق ئاممىسى ئارىسىغا بىۋاسىتە بېرىپ ئۇلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇراسىمى.

كۆرەڭ

  • كۆرەڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتىدىغان، باشقىلارنى مەنسىتمەيدىغان، تەكەببۇر:[مىسال:] كۆرەڭ ئادەم.

كۆرەڭلەتمەك

  • كۆرەڭلەتمەك[يەشمىسى:] «كۆرەڭلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇزۇن يىللاردىن بېرى سېنى كۆرەڭلەتكەن ئالدامچى دۇنيا مانا ئەمدى ساڭا بىر كېپەنلىك بېرىشنى راۋا كۆرمىدى.

كۆرەڭلەشمەك

  • كۆرەڭلەشمەك[يەشمىسى:] «كۆرەڭلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئۆزلىرىچە «قوزغىلاڭچىلارنى جىق ئۆلتۈردۇق ۋە قاچۇرۇۋەتتۇق» دەپ كۆرەڭلىشەتتى.

كۆرەڭلىك

  • كۆرەڭلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پوچىلىق، كۆرەڭلەش، تەكەببۇرلۇق:[مىسال:] ئۇنىڭ قېلىن قاشلىرى ئاستىدىكى كۆرەڭلىك ئالامىتى چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى ئەنسىزلىك بىلەن پارقىراپ تۇراتتى.

كۆرەڭلىمەك

  • كۆرەڭلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتماق، تەكەببۇرلاشماق، كۆرەڭلىك قىلماق:[مىسال:] كۆرەڭلەپ خۇدىنى يوقىتىشقا باشلىغان زامانقۇل كېيىنكى چاغلاردا ئەيش-ئىشرەت كوچىسىنىڭ مەستانىسى بولۇپ قالدى.

كۆرەلمەس

  • كۆرەلمەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت، غەلىبىسىگە چىدىمايدىغان ئىچى تارلىق قىلىدىغان؛ ئىچى تار، ھەسەتخور.

كۆرەلمەسلىك

  • كۆرەلمەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىچى تارلىق، ھەسەتخورلۇق، باشقىلارنىڭ غەلىبىسىگە چىدىماسلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ گەپلىرى ھەسەت، گۇمان، كۆرەلمەسلىك بىلەن تولغانىدى.

كۆرپەⅠ

  • كۆرپەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇخلىغاندا، ياتقاندا ئاستىغا سېلىش ئۈچۈن رەخت ئارىسىغا پاختا سېلىپ تىكىلىدىغان بۇيۇم.

كۆرپەⅡ

  • كۆرپەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېڭى تۇغۇلغان قوزىنىڭ تۈكى پەس، بۈدۈر-بۈدۈر كەلگەن گۈللۈك تېرىسى:[مىسال:] كۆرپە تۇماق. كۆرپە جۇۋا.

كۆرپەز

  • كۆرپەز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] دېڭىزقولتۇقى.

كۆرپە-ياستۇق

  • كۆرپە-ياستۇق[يەشمىسى:] كۆرپە ۋە ياستۇق.

كۆرپىچەك

  • كۆرپىچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك كۆرپە؛ يۆگەك.

كۆرپىلىك

  • كۆرپىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كۆرپىسى بار، كۆرپىگە ئىگە.[يەشمىسى:] ② كۆرپە تىكىشكە يېتىدىغان، كۆرپە تىكىشكە بولىدىغان، كۆرپىگە باب:[مىسال:] بىر كۆرپىلىك رەخت.

كۆرتە

  • كۆرتە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سۇدان.

كۆرسەتكۈچ

  • كۆرسەتكۈچ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، كۆرسىتىدىغان:[مىسال:] كۆرسەتكۈچ بارماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان يېزىق، سائەت، ئىسترېلكا ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر:[مىسال:] يول كۆرسەتكۈچ. * ئېغىر سۇ تىپىدىكى ئاتوم قازىنىنىڭ باشقارمىسىدا پروفېسسور كۆرسەتكۈچلەرنى ئەستايىدىل كۆزەتمەكتە ئىدى. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بىر ساننىڭ ئۆز-ئۆزىگە بىرقانچە قېتىم كۆپەيتىلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان سان. ئادەتتە ئۇ، شۇ ساننىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرىقى بۇرجىكىگە يېزىلىدۇ. مەسىلەن، bn, 43, 32 لارنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرى بۇرجىكىدىكىn, 3, 2 قاتارلىق كىچىك سانلار كۆرسەتكۈچ بولىدۇ.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] پىلاندىكى يەتمەكچى بولغان نىشان:[مىسال:] سۈپەت كۆرسەتكۈچى. ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىللىق، مەۋسۇملۇق ياكى چارەكلىك ئۆگىنىش ئەھۋالى ھەم نەتىجىسى قىسقىچە خۇلاسىلىنىپ، ئاتا-ئانىلارغا يوللاپ بېرىلىدىغان جەدۋەل:[مىسال:] يىللىق كۆرسەتكۈچنى ئۇ ئانىسىغا كۆرسەتتى.

كۆرسەتكۈچلۈك

  • كۆرسەتكۈچلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كۆرسەتكۈچى بار، كۆرسەتكۈچكە ئىگە. [يەشمىسى:] ② كۆرسەتكۈچىدە نامەلۇم سان بولغان:[مىسال:] كۆرسەتكۈچلۈك تەڭلىمە.

كۆرسەتمە

  • كۆرسەتمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قانداق ئىشلەش، نېمە قىلىش توغرىسىدا بېرىلگەن يوليۇرۇق:[مىسال:] پارتىيىنىڭ كۆرسەتمىسى. مۇئەللىمنىڭ كۆرسەتمىسى.[يەشمىسى:] ② كۆرسىتىلگەن نۇسخا، بۇيرۇتما:[مىسال:] ئۇلار 12 كۈن سەرپ قىلىپ ئۇنى كۆرسەتمە بويىچە ياساپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

كۆرسەتمەك

  • كۆرسەتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «كۆرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قەلەم كۆرسەتمەك. كىتاب كۆرسەتمەك. * ئىنەككە سۈت كۆرسەتمە، ئەخمەققە قىز (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىلدۈرمەك، چۈشەندۈرمەك، دەلىللىمەك، ئىسپاتلىماق؛ نامايان قىلماق:[مىسال:] بىڭسىنى كۆرسەتمەك.[يەشمىسى:] ③ تاماشا قىلدۇرماق، سەيلە قىلدۇرماق، ئايلاندۇرماق:[مىسال:] باغ كۆرسەتمەك. بازار كۆرسەتمەك. كوچا كۆرسەتمەك.[يەشمىسى:] ④ ... دەپ بىلدۈرمەك، ... دەپ چۈشەندۈرمەك:[مىسال:] گۈزەلئەي مەن تەرەپكە بۇرۇلدى-دە، ئارتىسلارغا خاس سەزگۈرلۈك بىلەن ئۆزىنى بىپەرۋا، خۇشال كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كۈلۈمسىرىدى، غىڭشىپ ناخشا ئېيتتى.[يەشمىسى:] ⑤ بىرەر ئىش ياكى ۋەزىپىنى بېجىرىش ئۈچۈن بىراۋنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى ئېيتماق، شۇنداق بولۇش تەكلىپىنى بەرمەك:[مىسال:] باشلىقلىققا كۆرسەتمەك. نامزاتلىققا كۆرسەتمەك.[يەشمىسى:] ⑥ يوليورۇق، مەسلىھەت بەرمەك؛ ئېيتماق، دېمەك:[مىسال:] مېنىڭ كۆرسەتكىنىم بويىچە ئىش قىلساڭ ۋەسلىڭگە يېتەلەيسەن، دەپتۇ بوۋاي.

كۆرسەتمىلىك

  • كۆرسەتمىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆگىنىشتە، چۈشۈندۈرۈشتە نەمۇنە قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، كۆرسىتىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان:[مىسال:] كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش قورالى.

كۆرسىتىشچانلىق

  • كۆرسىتىشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆرسىتىش خۇسۇسىيىتى، ئالاھىدىلىكى:[مىسال:] كىنونىڭ مۇھىم خۇسۇسىيىتى — كۆرسىتىشچانلىقتۇر.

كۆرسىتىشمەك

  • كۆرسىتىشمەك[يەشمىسى:] «كۆرسەتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كۆپچىلىك بۈگۈنكى مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇشنىڭ سەۋەبلىرىنى كۆرسىتىشتى.

كۆرسىتىلمەك

  • كۆرسىتىلمەك[يەشمىسى:] «كۆرسەتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بۇ قېتىمقى سايلامدا ھاكىملىققا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى.

كۆرك

  • كۆرك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىراي، ھۆسن، گۈزەللىك:[مىسال:] تىل كۆركى ماقال، يىگىت كۆركى ساقال (ماقال).

كۆركەم

  • كۆركەم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆرۈنۈشى كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان، گۈزەل، چىرايلىق:[مىسال:] كۆركەم تاغ. كۆركەم مەنزىرە.

كۆركەمسىز

  • كۆركەمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆركەم ئەمەس، سەت، كۆرۈمسىز:[مىسال:] دۇنيادا كۆركەمسىز ھېچقانداق تەبىئەت يوق.

كۆركەمسىزلىك

  • كۆركەمسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سەتلىك، كۆرۈمسىزلىك.

كۆركەملەشتۈرمەك

  • كۆركەملەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «كۆركەملەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شەرىپە ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇنىڭ ياستۇققا يېيىلغان قاپقارا چاچلىرى ھۆسنىنى تېخىمۇ كۆركەملەشتۈرۈۋەتكەنىدى.

كۆركەملەشتۈرۈلمەك

  • كۆركەملەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كۆركەملەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كۆركەملەشمەك

  • كۆركەملەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆركەم، گۈزەل تۈسكە كىرمەك؛ چىرايلىق بولماق:[مىسال:] بۇ ناھىيە بازىرىمۇ خېلى كۆركەملىشىپ قېلىپتۇ.

كۆركەملىك

  • كۆركەملىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۈزەللىك، چىرايلىق، كىشىنى جەلپ قىلغۇدەك جەلپكارلىق:[مىسال:] ئىلى ۋادىسى ئۆزىنىڭ كۆركەملىكى بىلەن مېنى تاڭ قالدۇردى.

كۆركۈتمە

  • كۆركۈتمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كوزا-كوزاڭ، كۆز-كۆز.

كۆرگە

  • كۆرگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چۆلدە ئۆسىدىغان يانتاقسىمان بىر خىل ئۆسۈملۈك.

كۆرگەزمە

  • كۆرگەزمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم نەرسىلەرنىڭ ۋە ئىشلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش، كۆرسىتىش ئۈچۈن قويۇلغان نەرسىلەر ۋە شۇ نەرسىلەر قويۇلغان جاي:[مىسال:] فوتۇ سۈرەت كۆرگەزمىسى.

كۆرگەزمىخانا

  • كۆرگەزمىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كۆرسىتىدىغان. كۆرگەزمە ئېلىپ بارىدىغان ئورۇن، جاي، ئۆي:[مىسال:] ئاپتونوم رايونلۇق كۆرگەزمىخانىدا مەشھۇر رەسساملارنىڭ رەسىملىرى كۆرگەزمە قىلىنىۋاتىدۇ.

كۆرگەن-بىلگەن

  • كۆرگەن-بىلگەن[يەشمىسى:] ① ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرى ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن.[يەشمىسى:] ② تونۇش-بىلىش:[مىسال:] يولىڭىز بولسۇن، بىزدىن كۆرگەن-بىلگەنلەرگە سالام دەڭ.

كۆرگۈلۈك

  • كۆرگۈلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېشىغا كەلگەن، كېلىۋاتقان، كېلىدىغان ئېغىر ئىشلار، كۆڭۈلسىز ۋەقە، ھادىسە؛ تارتقۇلۇق:[مىسال:] پاتەمخان:[مىسال:] ئاھ، خۇدا ماڭا نېمە كۆرگۈلۈك بۇ دېدى چاچلىرىنى يۇلۇپ.

كۆرگۈلۈكى بار

  • كۆرگۈلۈكى بار[يەشمىسى:] ئېغىر جازاغا ئۇچرايدۇ، بېشىغا كۈلپەت چۈشىدۇ:[مىسال:] ھازىرلا ئەكەلگەن، نەدە بولسا تاپ، بولمىسا، كۆرگۈلۈڭ بار.

كۆرگۈلۈكىنى كۆرسەتمەك

  • كۆرگۈلۈكىنى كۆرسەتمەك[يەشمىسى:] ئېغىر ئەھۋالغا دۇچار قىلماق، تېگىشلىك جازاسىنى بەرمەك، ئەدەبلىمەك:[مىسال:] تولا چوڭ سۆزلىمە، دېدى سەلەي ئاكا، ھېلى بىكار كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن.

كۆرگۈلۈكىنى كۆرمەك

  • كۆرگۈلۈكىنى كۆرمەك[يەشمىسى:] بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشمەك، تېگىشلىك جازاسىنى يېمەك:[مىسال:] ھەدىدىدىن ئاشسا، كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ، مەن كىم

كۆرمەس

  • كۆرمەس[يەشمىسى:] ① «كۆرمەك» پېئىلىنىڭ بولۇشسىز سۈپەتدىشى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆرۈش ئىقتىدارىنى يوقاتقان، كور، قارىغۇ:[مىسال:] كۆرمەس بولۇپ قالماق.

كۆرمەسكە سالماق

  • كۆرمەسكە سالماق[يەشمىسى:] كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمىگەن بولۇۋالماق:[مىسال:] جۈمە بۇنى كۆرمەسكە سالدى ۋە پەرۋا قىلمىغاندەك بارماقلىرىدىن قاس چىقىرىپ قويدى.

كۆرمەك

  • كۆرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۆرۈش قابىلىيىتى بىلەن كىشى ھەم نەرسىلەرنىڭ كۆرۈنۈشى ۋە قانداقلىقىنى پەرقلەندۈرمەك؛ كۆز ۋاسىتىسى بىلەن پەرق قىلماق، بىلمەك:[مىسال:] تۈگمىنى كۆرۈپ، تۆگىنى كۆرمەپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② كۆز يۈگۈرتمەك، ئوقۇماق:[مىسال:] گېزىت كۆرمەك. كىتاب كۆرمەك.[يەشمىسى:] ③ قارىماق، تەكشۈرمەك:[مىسال:] ئۇ ھارۋىنىڭ جابدۇقلىرىنى كۆرۈشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ④ دۇچ كەلمەك، يولۇقماق، ئۇچرىماق:[مىسال:] يولدا بىز نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى كۆردۇق.[يەشمىسى:] ⑤ باشتىن كەچۈرمەك، ئۆتكۈزمەك:[مىسال:] كۆرگىنىم كۆپ، يېگىنىم چۆپ (ماقال).[يەشمىسى:] ⑥ ... دەپ بىلمەك، ... دەپ ھېسابلىماق:[مىسال:] ۋەزىر دەللالنىڭ پىكرىنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، قىزنى ئۆزىنىڭ سارىيىغا ئېلىپ كىرىپتۇ.[يەشمىسى:] ⑦ تاپماق، ئېرىشمەك، سازاۋەر بولماق:[مىسال:] ھۆرمەت قىلساڭ، ھۆرمەت كۆرىسەن (ماقال).[يەشمىسى:] ⑧ يۈز بەرگەن ۋەقەگە باشقا كىشى ياكى نەرسىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتمەك:[مىسال:] ئاتالمىغان ئوقىدىن كۆرىدۇ، چىچالمىغان پوقىدىن كۆرىدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ⑨ ئۇچراتماق، ئارىلاشماق، چۈشەنمەك:[مىسال:] بىز ئۇنداقلارنى جىق كۆرگەن.[يەشمىسى:] 01 قارىماق؛ ئۇقماق؛ ئويلىماق:[مىسال:] باسقان ئىزىڭنى بىلىپ باس، ئالدى-ئارقاڭنى كۆرۈپ باس (ماقال).[يەشمىسى:] 11 قىلماق، ئىشلىمەك:[مىسال:] بىز كونا 8-ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن بولىدىغان بولدۇق ئىلدام تەييارلىق كۆرۈپ ماڭايلى[يەشمىسى:] 21 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تاپماق، ئىگە بولماق؛ تۇغماق:[مىسال:] ئۇ ياسىنئاخۇندىن ئۈچ پەرزەنت كۆردى.[يەشمىسى:] 31 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىشلەتمەك؛ پايدىلانماق:[مىسال:] ھالىمىزغا يارىشا بارىنى تەڭ كۆرەرمىز.[يەشمىسى:] 41 بىرەر نەرسىنى تەكىتلەش ۋە ئۇنىڭغا دىققەت ئېتىبارىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] بۇ قوينىڭ سېمىزلىكىنى كۆر.[يەشمىسى:] 51 رەۋىشداشلار بىلەن كېلىپ، سىناش، بىلىش ئۈچۈن قىلىنغان ئىش-ھەرىكەتنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] يەپ كۆرمەك. مەسلىھەتلىشىپ كۆرمەك.[يەشمىسى:] 61 ئايرىم سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ كېلىپ شۇ سۆزلەرنى پېئىللاشتۇرىدۇ:[مىسال:] يامان كۆرمەك. ياخشى كۆرمەك.

كۆرەر كۆزى يوق

  • كۆرەر كۆزى يوق[يەشمىسى:] قارىغۇسىمۇ كەلمەيدۇ:[مىسال:] ۋاي-ۋۇي ئۇلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى، بىزنى كۆرەر كۆزى يوققۇ بۇ خېنىملارنىڭ، دېدى ماھىرە ئىززەتكە.

كۆرمىگەننى كۆرمەك

  • كۆرمىگەننى كۆرمەك[يەشمىسى:] نۇرغۇن جەبىر-جاپا، دەرد-ئەلەم، ئىزا-ئاھانەتلەرنى باشتىن-كەچۈرمەك:[مىسال:] كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ (ماقال).

كۆرۈپ قويماق

  • كۆرۈپ قويماق[يەشمىسى:] بىركىمنىڭ قانداق، قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتمەك، چۈشەنمەك:[مىسال:] سېنىمۇ كۆرۈپ قويدۇق ئاغىنە، خەير، ئامان بول

كۆرىدىغىنىنى كۆرمەك

  • كۆرىدىغىنىنى كۆرمەك[يەشمىسى:] دەككىسىنى يېمەك، جاجىسىنى يېمەك:[مىسال:] ئەتە يەنە مۇشۇنداق قىلىدىغان بولساڭ، كۆرىدىغىنىڭنى كۆرىسەن

كۆرۈشتۈرمەك

  • كۆرۈشتۈرمەك[يەشمىسى:] «كۆرۈشمەكⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ گەپلەرنى قوي، ئەمدى كېتەيلى مۇشۇ بالىنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر كۆرۈشتۈرەيلى

كۆرۈشتۈرۈلمەك

  • كۆرۈشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كۆرۈشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كۆرۈشمەكⅠ

  • كۆرۈشمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «كۆرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بۇ رەسىمنى قولدىن قولغا ئېلىپ كۆرۈشتى.[يەشمىسى:] ② ئۇچراشماق، يولۇقماق:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ بىلەن دائىم كۆرۈشۈپ تۇرىمەن. * يەنە بىر كۆرۈشكۈچە ئامان بول دېدى ئۇ مەن بىلەن خوشلىشىپ.[يەشمىسى:] ③ ئۆزئارا قول ئېلىشىپ تىنچ-ئامانلىق سوراشماق، قول ئېلىشماق:[مىسال:] ئابلەت ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى قىزغىن كۆرۈشتى.

كۆرۈشمەكⅡ

  • كۆرۈشمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۈنۈم بەرمەك، پايدا قىلماق.

كۆرۈكⅠ

  • كۆرۈكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆمۈرچىنىڭ ئوتنى پۈۋلەپ يالقۇنلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، كۆپىنچە ئۆچكە تېرىسىدىن ياسىلىدىغان قاپسىمان پۈۋلەش ئەسۋابى.

كۆرۈكⅡ

  • كۆرۈكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] لويلا ئائىلىسىدىكى چاتقال. شاخلىرى ۋە يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسىدۇ. كىچىك شاخلىرىدا بوغۇملىرى بولىدۇ، گۈلى گۆشلەشكەن، گۈل رېتى ئوقىنىڭ ئويۇق يېرىگە جايلىشىدۇ. قۇرغاق، شورلۇق جايلاردا ئۆسىدۇ.

كۆرۈلمەك

  • كۆرۈلمەك[يەشمىسى:] ① «كۆرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرى كۆرۈلدى.[يەشمىسى:] ② يۈز بەرمەك، پەيدا بولماق، تۇغۇلماق، سادىر بولماق:[مىسال:] ۋەقە كۆرۈلمەك. مەسىلە كۆرۈلمەك.

كۆرۈم

  • كۆرۈم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھاياتلىق، تۇرمۇش، كۈن:[مىسال:] يامانغا ئۆلۈم يوق، ياخشىغا كۆرۈم (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئازاب، تۇرمۇش، قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەت:[مىسال:] ئەلچىگە ئۆلۈم يوق، جارچىغا كۆرۈم (ماقال).[يەشمىسى:] ③ چىراي، تۇرۇق، كۆرۈنۈش:[مىسال:] رەيھان يەنىلا گۈزەل، نازاكەتلىك، خۇش كۆرۈم، سۆيۈملۈك ئىدى.

كۆرۈمسىز

  • كۆرۈمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىرايلىق ئەمەس، سەت:[مىسال:] كۆرۈمسىز ئادەم.

كۆرۈمسىزلەشمەك

  • كۆرۈمسىزلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆرۈمسىز بولۇپ قالماق، سەتلەشمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ كىيىملىرى كۆرۈمسىزلىشىپ كەتكەنىدى.

كۆرۈمسىزلىك

  • كۆرۈمسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆرۈمسىز ھالەت، سەتلىك:[مىسال:] يارىتىلىشتا ئىنساندا بولىدىغان كۆرۈمسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز جىسمىغا جەملىۋالغان جاپپار موللا سىم ساقىلىنى تىترىتىپ تۇرۇپ بارىكاللا ئېيتتى.

كۆرۈملۈك

  • كۆرۈملۈك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىنى خۇشال، مەمنۇن قىلىدىغان خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەن كىشىگە بېرىلىدىغان سۆيۈنچە، ئىنئام؛ سوۋغا:[مىسال:] قېنى، ئاغىچا، كۆرۈملۈكنى بېرىڭا، مەن سىزنىڭ قاچقان كېلىنىڭىزنى تۇتۇپ كەلدىم[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆرۈش ئۈچۈن تەييارلىغان ياكى تەييارلانغان:[مىسال:] شىرەدىكى نەرسىلەر مېھماننىڭ يېيىشى ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت كۆرۈملۈك ئۈچۈنلا تىزىلغاندەك شۇنچىلىك رەتلىك ئىدى.

كۆرۈنەرلىك

  • كۆرۈنەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، ئالاھىدە؛ ئېنىق، ئوچۇق:[مىسال:] پەن-تېخنىكا ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقانلار مۇكاپاتلاندى.

كۆرۈنمەك

  • كۆرۈنمەك[يەشمىسى:] ① «كۆرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئاي تاغ ئارقىسىدىن كۆرۈندى.[يەشمىسى:] ② «كۆرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ دوختۇرغا كۆرۈنگىلى كەتتى.

كۆرۈنۈش

  • كۆرۈنۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تاشقى قىياپەت، قىياپەت:[مىسال:] ھېلىقى ئەسكەرنىڭ كۆرۈنۈشىدىن ئۇنىڭ مېلشىنغا ئېچىنغىنى ۋە يىرگىنىشى بىلىنىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان ئەھۋال، مەنزىرە:[مىسال:] تەبىئەتنىڭ رەسىم يۈزىدىكى بۇ كۆرۈنۈشى كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلاتتى.[يەشمىسى:] ③ مەنزىرە چۈشۈرۈلگەن رەسىم:[مىسال:] ئۆيگە كۆرۈنۈش ئاستۇق.[يەشمىسى:] ④ بەلگىلىك سورۇندا يۈز بەرگەن، سادىر بولغان ئەھۋال، ۋەقە:[مىسال:] بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ قىز ھەيران قالدى.[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بايان خاراكتېرلىك ئەسەرلەردە پېرسوناژلارنىڭ بەلگىلىك سورۇندا ئۆزئارا مۇناسىۋەت قىلىش ئارقىلىق شەكىللىنىدىغان بىر بۆلەك تۇرمۇش كارتىنىسى:[مىسال:] بۇ پارچىلاردا تەسۋىرلەنگەن تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى شۇنچىلىك چىن ۋە روشەن ئىدى.[يەشمىسى:] ⑥ [كەسىپ تۈرى:]>تىياتىر<[يەشمىسى:] سەھنە ئەسەرلىرىدە پەردىنىڭ مەخسۇس دېكوراتسىيە تەلەپ قىلىدىغان بىر قىسمى:[مىسال:] «ھاملىد» ئەنگىيىلىك داڭلىق دراماتورگ شېكىسپىرنىڭ پىر پەردە بەش كۆرۈنۈشلۈك تراگېدىيىسىدۇر.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>كىنو<[يەشمىسى:] كىنو ئىشلەش جەريانىدا، كىنوغا ئېلىش ئاپپاراتى ھەرىكەت قىلىشقا باشلاپ، توختىغانغا قەدەر لېنتىغا ئېلىنغان بىر بۆلەك ئەھۋال:[مىسال:] بۇ ئوغۇل كىنونىڭ باش قەھرىمانى تاشۋاي بولۇپ، شۇ كۆرۈنۈش ئۈستىگە كىنونىڭ ئىسمى بېرىلىدۇ.

كۆرۈنۈشلۈك

  • كۆرۈنۈشلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆرۈنۈشى بار، كۆرۈنۈش ئارقىلىق ئورۇندىلىدىغان:[مىسال:] تۆت كۆرۈنۈشلۈك دراما.

كۆز

  • كۆز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ كۆرۈش ئورگىنى:[مىسال:] كۆز ئېقى. كۆز قارىچۇقى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نەزەر، قاراش:[مىسال:] كۆز سالماق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆرۈش قابىلىيىتى:[مىسال:] كۆزى ئۆتكۈر.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ كۆزگە ئوخشاش قىسمى ياكى تۆشۈكى، كامېرى:[مىسال:] ئۈزۈكنىڭ كۆزى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ (كۆپىنچە خۇرجۇن كۆزدە تۇتۇلىدۇ) خالتىسىمان بىر بۆلىكى:[مىسال:] ئۇنىڭغىچىلىك توخۇلارمۇ تېرىقنى ئايرىپ، خۇرجۇننىڭ ئىككى كۆزىگە قاچىلاپ بوپتۇ.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نىيەت، غەرەز:[مىسال:] يامان كۆز بىلەن قارىماق.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەممىنىڭ نەزىرى چۈشىدىغان، ئەتىۋارلىنىدىغان ئادەم ياكى نەرسە؛ ئالدى، گۈلى، ئەڭ ياخشىسى، ئېسىلى سانائەت ئىدارىسى ناھىيىدىكى ئىدارىلەرنىڭ كۆزى.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ، نەرسىلەرنىڭ مىقدارى ياكى ھەجمىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئاتماق بولۇپ قۇچقاچنى، چاقتى بىر كۆز ئەينەكنى.[يەشمىسى:] ⑨ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يول، ئامال، ئەپ:[مىسال:] ئىشنىڭ كۆزىنى بىلىدىغان ئادەم.[يەشمىسى:] 01 پايلاقچى، كۆزەتچى:[مىسال:] ئارقاڭدا كۆز بار دىققەت قىلغىن.

كۆز ئاچماق

  • كۆز ئاچماق[يەشمىسى:] تۇغۇلماق، تۆرەلمەك:[مىسال:] ئۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان چاغدا، ئاللىقاچان دادىسى ئۆلۈپ كەتكەنىدى.

كۆز ئالايتماق

  • كۆز ئالايتماق[يەشمىسى:] ① غەزەپ ياكى نەپرەت بىلەن قارىماق:[مىسال:] بىز مانا شۇنداق يىراق يەردە تۇرساقمۇ، ۋاڭلارغا كۆز ئالايتىپ قارىيالمايمىز.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يامان غەرەز بىلەن قارىماق، يامان نىيەتتە بولماق:[مىسال:] بىز ھەرقانچە كەمبەغەل بولساقمۇ، باشقىلارنىڭ نەرسىسىگە كۆز ئالايتمايمىز.

كۆز باغلانماق

  • كۆز باغلانماق[يەشمىسى:] قاراڭغۇ چۈشمەك، قاش قارايماق:[مىسال:] ئۇ يول ئىزلىمەكچى بولدى، بۇ چاغدا قاراڭغۇ چۈشۈپ كۆز باغلانغانىدى.

كۆز باغلىغۇچى

  • كۆز باغلىغۇچى[يەشمىسى:] سېھىرگەر:[مىسال:] ئۇ مايمۇننىڭ ئارغامچىغا يېپىشىپ ئاسمانغا چىقىشىدەك، كۆز باغلىغۇچىلارنىڭ جادۇگەرلىكى ئىكەنلىكى توغرىسىدا گەپ باشلىدى.

كۆز باغلىماق

  • كۆز باغلىماق[يەشمىسى:] بىرنەرسىنى بىراۋنىڭ كۆزىگە باشقا شەكىل، قىياپەتتە كۆرسەتمەك؛ سېھىرگەرلىك قىلماق:[مىسال:] سىلەر ئۇنىڭ كۆز باغلاش ئۇسۇلى بارلىقىنى ئۇنتۇمىغان بولساڭلار كېرەك.

كۆز بويامچى

  • كۆز بويامچى[يەشمىسى:] ئالدامچى، ساختىپەز، ئېزىقتۇرغۇچى:[مىسال:] ھەي بالىلىرىم، سىلەر ئالدىنىپسىلەر ئۇ بىر كۆز بويامچى، ئەمدى سىلەر سەپىرىڭلارنى توختىتىڭلار، دەپتۇ بوۋاي.

كۆز بويىماق

  • كۆز بويىماق[يەشمىسى:] ئالدىماق، گوللىماق، ئېزىقتۇرماق:[مىسال:] پۇقرانىڭ كۆزىنى بوياپ يېزا كادىرى بولۇۋالغىنىنى تېخى، بۇ مۇتتەھەم دېدى بىرەيلەن جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىراپ.

كۆز تاشلىماق

  • كۆز تاشلىماق[يەشمىسى:] ① قارىماق، نەزەر سالماق:[مىسال:] ئەتراپقا كۆز تاشلىماق.[يەشمىسى:] ② ئىشقىي، شەھۋانىي نىيەتتە كۆز ئىشارىسى قىلماق:[مىسال:] خېنىم قاقاھلاپ ئوينىتىپتۇ قاش، مەنمۇ كۆز تاشلاپ قوشۇپتىمەن باش.

كۆز تەگمەك

  • كۆز تەگمەك[يەشمىسى:] خۇراپىي ئەقىدىدە، كىشىلەرنىڭ يامان گەپ قىلىشى ياكى يامان كۆز بىلەن قارىشىدىن پېشكەللىك، يامان ئاقىۋەتكە يولۇقماق:[مىسال:] بىز ئۇلار بىلەن پەخىرلىنەتتۇق، ئۇزاق ئۆتمەي قان-قېرىنداش قوشكېزەكلەرگە كۆز تەگدى بولغاي، ئالەمدىن ئۆتتى.

كۆز خۇمارىنى چىقارماق

  • كۆز خۇمارىنى چىقارماق[يەشمىسى:] گۈزەل، چىرايلىق ئاياللارغا قاراپ ھەۋىسىنى باسماق، گۈزەللىكىدىن ھۇزۇر قىلماق:[مىسال:] ئۇ ھەر كۈنى بىر-ئىككى قېتىم كوچىغا چىقىپ ئۆتكەن-كەچكەن چىرايلىق قىز-ئاياللارغا قاراپ كۆز خۇمارىنى چىقىراتتى.

كۆزدىن قاچۇرماسلىق

  • كۆزدىن قاچۇرماسلىق[يەشمىسى:] قارىسىنى يۈتتۈرۈپ قويماسلىق:[مىسال:] دىققەت قىل كۆزۈڭدىن قاچۇرما، يوقالسا تاپالمايمىز.

كۆزدىن قان-يىرىڭ ئاقماق

  • كۆزدىن قان-يىرىڭ ئاقماق[يەشمىسى:] ئېغىر قايغۇ-ئازاب ئىچىدە قاتتىق يىغلىماق.

كۆزدىن كەچۈرمەك

  • كۆزدىن كەچۈرمەك[يەشمىسى:] قاراپ چىقماق، كۆرمەك، تەكشۈرمەك:[مىسال:] ئابدۇللا مۇسا دېھقان بىلەن تەجرىبە ئېتىزىنى كۆزدىن كەچۈردى.

كۆزدىن نېرى قىلماق

  • كۆزدىن نېرى قىلماق[يەشمىسى:] ① كىشىلەردىن يوشۇرماق، يوشۇرۇن تۇتماق:[مىسال:] ئۆزلە يىغىنى قويۇپ، چاققان بۇ بالىنى كۆزدىن نېرى قىلسىلا.[يەشمىسى:] ② يوقاتماق، ئۆلتۈرمەك:[مىسال:] ئۇ جېدەلخورلارنىڭ غوللۇق ئادەملىرىنى بىرلا جەڭ بىلەن كۆزدىن نېرى قىلدۇق.

كۆزدىن ئوت چىقىپ كەتمەك

  • كۆزدىن ئوت چىقىپ كەتمەك[يەشمىسى:] ئىنتايىن قاتتىق تەسىر قىلماق:[مىسال:] شۇنچە مال-دۇنيانىڭ غارنىڭ ئىچىدە بېسىلىپ ياتقىنىنى كۆرۈپ كۆزۈمدىن ئوت چىقىپ كەتتى.

كۆزدىن ئۇچماق

  • كۆزدىن ئۇچماق[يەشمىسى:] قاتتىق سېغىنماق، بەك كۆرگۈسى كەلمەك:[مىسال:] كىشىنىڭ يارى يېقىندىكەن كۈندە كۆرۈشتى. مېنىڭ يارىم يىراقتىكەن كۆزۈمدىن ئۇچتى.

كۆزدىن يوقاتماق

  • كۆزدىن يوقاتماق[يەشمىسى:] ① كۆزدىن يىراق قىلماق، كۆرۈنمەيدىغان يىراق يەرگە ئەۋەتىۋەتمەك:[مىسال:] بۇ نېمەڭنى كۆزۈمدىن يوقات، دەرھال يوقات، دېدى دادام غەزەپلىنىپ.[يەشمىسى:] ② يوق قىلماق، ئۆلتۈرمەك:[مىسال:] ھەي تۆمۈر، ھەي تۆمۈر، سېنى كۆزدىن يوقىتىۋەتمىگۈچە، ئىش پۈتمەيدىغان ئوخشايدۇ.

كۆزدىن يىراق تۇتماق

  • كۆزدىن يىراق تۇتماق[يەشمىسى:] باشقىلار كۆرمەيدىغان يەردە ساقلىماق، يوشۇرماق:[مىسال:] ئۇ ئابلىزقارىغا ئۇنى كۆزدىن يىراق تۇتۇشقا تەكلىپ بەرگەنىدى.

كۆز سالماق

  • كۆز سالماق[يەشمىسى:] دىققەت قىلماق، نەزەر سالماق:[مىسال:] مەن دەرۋازىنى ئېچىپ كىرىپ ھويلىغا بىر قۇر كۆز سالدىم.

كۆزگە تاشلانماق

  • كۆزگە تاشلانماق[يەشمىسى:] كۆرۈنۈپ تۇرماق:[مىسال:] ئالتۇن ھەللىك بۇ خەت يىراقتىنلا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ.

كۆزگە سۈرتكۈدەك بولماق

  • كۆزگە سۈرتكۈدەك بولماق[يەشمىسى:] ئىنتايىن قەدرى ئۆتۈلمەك، بەك سېغىنماق:[مىسال:] ۋاي تۇغقىنىم، ياماننىڭ ئوتى يامانىكەن، ئۇ كەتكىلى ئالتە ئاي بولدى، بىر پارچە خېتىمۇ يوق، ھازىر ئۇنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، تۇتۇپ قويغان نەرسىسىنىمۇ كۆزۈمگە سۈرتكۈدەك بولدۇم، دەپ يىغلاپ كەتتى موماي.

كۆزگە سىغماق

  • كۆزگە سىغماق[يەشمىسى:] ياراشماق، قاملاشماق:[مىسال:] كۆزگە سىغقان كۆڭۈلگە سىغىپتۇ (ماقال).

كۆزگە سىڭىپ قالماق

  • كۆزگە سىڭىپ قالماق[يەشمىسى:] كۆپ كۆرۈپ غەلىتە بىلىنمەس بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئادىلنىڭ ھەر خىل كىيىنىپ يۈرۈشى خەقنىڭ كۆزىگە سىڭىپ قالغان بولغاچقا، كىشىلەر بۇ توغرىدا ھېچقانداق گەپ قىلمايتتى.

كۆزگە قادالغان تىكەن

  • كۆزگە قادالغان تىكەن[يەشمىسى:] «كۆزگە قادالغان مىخ»قا قاراڭ.

كۆزگە قادالغان مىخ

  • كۆزگە قادالغان مىخ[يەشمىسى:] ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ يامان دۈشمەن:[مىسال:] ئابدۇللانىڭ قېچىشى ئابدۇللانى كۆزىگە قادالغان مىخ ساناپ يۈرگەن ئوسمانغا چوڭ دەسمايە بولۇپ بەردى.

كۆزگە كۆرۈنەرلىك

  • كۆزگە كۆرۈنەرلىك[يەشمىسى:] باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان، ئالاھىدە:[مىسال:] ئۇ نۇرغۇن مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ھالدا ئورۇنداپ ئىدارىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.

كۆزگە كۆرۈنگەن

  • كۆزگە كۆرۈنگەن[يەشمىسى:] مەشھۇر، داڭلىق، تونۇلغان:[مىسال:] كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى. كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيون.

كۆزگە كۆرۈنمەك

  • كۆزگە كۆرۈنمەك[يەشمىسى:] ① ھەممە بىلمەك، تونۇماق؛ مەشھۇر بولماق:[مىسال:] مەھمۇد كاشىغەرى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىمى ئىدى.[يەشمىسى:] ② بىر ئىشقا يارىغۇدەك بولماق، بويىغا يەتمەك؛ چوڭ بولماق، يوغىنىماق:[مىسال:] ئەمدىلا كۆزگە كۆرۈنۈپ دادىسىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ قالغان باتۇر، كۈتۈلمىگەندە، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسسىق باغرىدىن ئايرىلدى.

كۆزگە ئىلماسلىق

  • كۆزگە ئىلماسلىق[يەشمىسى:] ياراتماسلىق، مەنسىتمەسلىك:[مىسال:] كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق (ماقال).

كۆزلىرى ئالاق-جالاق بولۇپ كەتمەك

  • كۆزلىرى ئالاق-جالاق بولۇپ كەتمەك[يەشمىسى:] قاتتىق قورقماق، ھولۇقماق:[مىسال:] ئۇنىڭ دەس تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغان مېھمانلارنىڭ كۆزلىرى ئالاق-جالاق بولۇپ كەتتى.

كۆزلىرى چاقناپ كەتمەك

  • كۆزلىرى چاقناپ كەتمەك[يەشمىسى:] «كۆزلىرى ئويناپ كەتمەك»كە قاراڭ:[مىسال:] دۇئادىن كېيىن مەنسۇر بىر كىيىملىك رەختنى داستىخانغا قويدى. بۇنى كۆرگەن خۇرشىدىخاننىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.

كۆزلىرىنى چەكچەيتمەك

  • كۆزلىرىنى چەكچەيتمەك[يەشمىسى:] ئۇقالماستىن ھاڭ-تاڭ بولماق، چۈشەنمىگەنلىكتىن ئىپادە بىلدۈرمەي تۇرماق:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ سورىسام، گەپ-سۆز قىلماي، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ تۇرۇۋالدى.

كۆزلىرىنى ئويناتماق

  • كۆزلىرىنى ئويناتماق[يەشمىسى:] شوخ، تېتىكلىكىنى نامايان قىلماق:[مىسال:] قىز كۆزلىرىنى ئوينىتىپ چاقماقتەك گەپ قىلاتتى.

كۆزلىرى ئولتۇرۇشماق

  • كۆزلىرى ئولتۇرۇشماق[يەشمىسى:] ئورۇقلىماق، ياداپ كەتمەك:[مىسال:] يىگىتلىك غۇرۇرى بىلەن تولغان، تولۇق ۋە قاۋۇل كەلگەن جەڭچىنىڭ يۈزى كۆيۈپ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ قالغانىدى.

كۆزلىرى ئويناپ كەتمەك

  • كۆزلىرى ئويناپ كەتمەك[يەشمىسى:] ئىنتايىن خۇشال بولماق، شادلانماق:[مىسال:] ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مۇنداق ماختاشلارنى ئاڭلاپ باقمىغان بوۋاينىڭ خۇشاللىقىدىن كۆزلىرى ئويناپ كەتتى.

كۆز نۇرى

  • كۆز نۇرى[يەشمىسى:] ① كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى، كۈچى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەڭ يېقىن، ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىسى:[مىسال:] جېنىم بالام، كۆز نۇرۇم، يۈرەك پارەم سەندىن ئايرىلىپ مەن قانداق چىدايمەن، دەپ يىغلاپ بوينىغا ئېسىلدى ئانا.

كۆزنىڭ ئاچچىقىنى چىقارماق

  • كۆزنىڭ ئاچچىقىنى چىقارماق[يەشمىسى:] ئازراق ئۇخلاپ ئۇيقۇسىنى قاچۇرماق:[مىسال:] بۈگۈنمۇ ئۇ ئادىتى بويىچە كۆزىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن ئويغىنىپ قارىسا، نەۋرىسى تېخى بىر ئوبدان ئۇخلاۋاتاتتى.

كۆزنىڭ يېغىنى يېمەك

  • كۆزنىڭ يېغىنى يېمەك[يەشمىسى:] كىشىنىڭ قاتتىق زوقىنى تارتماق:[مىسال:] ئاتنىڭ بالىسى تايچاق، تالنىڭ ئۇچىنى يەيدۇ. مەڭزى قىزىل قەلەمقاش، كۆزنىڭ يېغىنى يەيدۇ.

كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە

  • كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە[يەشمىسى:] ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە؛ بىردەمنىڭ ئىچىدىلا، ھەش-پەش دېگۈچە:[مىسال:] بىر ئايلىق تەتىل ۋاقتى كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە تېزلا ئۆتۈپ كەتتى.

كۆزنى يۇمۇپلا

  • كۆزنى يۇمۇپلا[يەشمىسى:] تەۋەككۈل قىلىپ، تەۋەككۈلىگە:[مىسال:] بۇ ئىشقا كۆزنى يۇمۇپلا بىرنېمە دېگىلى بولمايدۇ.

كۆزۈڭگە قارا

  • كۆزۈڭگە قارا[يەشمىسى:] «دىققەت قىل، ئېھتىيات قىل، پەخەس بول، ئاۋايلا» دېگەن مەنىدىكى قاراتما سۆز:[مىسال:] كۆزۈڭگە قارا، ئالدىڭدا ئېرىق بار، دېدى ئەركىن ۋارقىراپ.

كۆزۈڭنى ئاچ

  • كۆزۈڭنى ئاچ[يەشمىسى:] «ھاڭۋاقتىلىق قىلما، ھوشيار بول» دېگەن مەنىدە قوللىنىلىنىدۇ.

كۆزۈڭ يوقمۇ

  • كۆزۈڭ يوقمۇ[يەشمىسى:] «كۆرمىدىڭمۇ، كۆرمەيۋاتامسەن» دېگەن مەنىدە قوللىنىدۇ.

كۆز ئېچىپ كۆرگەن

  • كۆز ئېچىپ كۆرگەن[يەشمىسى:] تۇنجى، دەسلەپكى:[مىسال:] كۆز ئېچىپ كۆرگەن بالام ئەمەسمۇ كۆڭلۈم چىدىمايدۇ.

كۆزى ئارقىدا قالماق

  • كۆزى ئارقىدا قالماق[يەشمىسى:] بىرەر كىمدىن، بىرەر نەرسىدىن ئايرىلىشقا قىيالماسلىق، بۇ قېتىم ئۆينى تاشلاپ كەلدىم-يۇ، كۆزۈم ئارقىدا قالدى.

كۆزى ئالاچەكمەن بولماق

  • كۆزى ئالاچەكمەن بولماق[يەشمىسى:] قاتتىق ھەيران قالماق، ئەجەبلەنمەك:[مىسال:] يورۇق چۈشمەيدىغان قاراڭغۇ بولۇڭدا بوينىنى سوزۇپ گەپ تىڭشاپ تۇرغان سۇلايمانلار بۇ ھالەتتىن كۆزى ئالاچەكمەن بولۇپ، تېنىگە تىترەك ئولىشىپ، ئۆزىنى غىپپىدە تەشمىنىڭ سىرتىغا ئالدى.

كۆزى بار

  • كۆزى بار[يەشمىسى:] ئاق-قارىنى، ياخشى-ياماننى پەرق ئېتەلەيدىغان، كۆرەلەيدىغان:[مىسال:] ماخمۇت دېگەن مايماقمۇ كۆزى بار نېمىكەن جۇمۇ ئۆزىگە جۈپنى خاتا تاللىمىغانىكەن.

كۆزى پىششىق

  • كۆزى پىششىق[يەشمىسى:] مەلۇم بىر ئىشنى بېجىرىشكە ئەپلىك، ماھىر، ئۇستا:[مىسال:] ئۇنىڭ سودا ئىشلىرىنى قىلىشقا كۆزى پىششىق.

كۆزى پىشماق

  • كۆزى پىشماق[يەشمىسى:] مەلۇم ھۈنەر، كەسىپكە كۆپ ئارىلىشىپ ئۇنىڭ ئەلمى-تەلمىنى، قانۇنىيىتىنى ئىگىلىۋالماق:[مىسال:] دادام سودا سېتىققا خۇشتار بولغاچقا، مېنى كىچىكىمدىلا كۆزى پىشسۇن دەپ قوشنىمىز ۋەلىخان ئاكىنىڭ گەزمالچىلىق دۇكىنىغا شاگىرتلىققا بەردى.

كۆزى تالادا قالماق

  • كۆزى تالادا قالماق[يەشمىسى:] ئۆزى بۇ يەردە بولغىنى بىلەن ئوي-خىيالى باشقا بىر جايدا بولماق:[مىسال:] تۈنۈگۈن ئۆزىڭىز ماقۇل بولغان كىنوغىمۇ باردىڭىز ئۆزۈم كىنودا ئولتۇرساممۇ كۆزۈم تالادا قالدى. كۆڭلۈمگە كەلمىگەن ئويلار كېلىپ بىرھازاغىچە يىغلاپتىمەن.

كۆزى تورلاشماق

  • كۆزى تورلاشماق[يەشمىسى:] ئىمىر-چىمىر بولۇپ، ياخشى كۆرەلمەي قالماق:[مىسال:] بالىنىڭ بېشى قايدى، كۆزى تورلاشتى، پۇتلىرى تىترىدى. * تازا سىنچىلاپ قاراۋاتقىنىدا يۈرىكى دۈپۈلدەپ، تىنىقى پەسلەپ كەتتى، ھەتتا لەۋلىرى تىترەپ، كۆزلىرى تورلاشتى.

كۆزى تويماسلىق

  • كۆزى تويماسلىق[يەشمىسى:] قانائەت ھاسىل قىلماسلىق، ئاچ كۆزلۈك:[مىسال:] تىلەمچىنىڭ خالتىسى تولسىمۇ، كۆزى تويماس (ماقال). * ئۆزى تويسىمۇ، كۆزى تويماپتۇ (ماقال).

كۆزى تۇتۇلماق

  • كۆزى تۇتۇلماق[يەشمىسى:] قارىغۇ بولۇپ قالماق، كۆرمەس بولۇپ قالماق:[مىسال:] چوڭ دادامنىڭ كۆزى تۇتۇلۇپ قالغىلى تۆت يىل بولدى.

كۆزى تۆت

  • كۆزى تۆت[يەشمىسى:] قاتتىق ئىنتىزار:[مىسال:] تولا ساقلاپ كۆزۈم تۆت بولدى دېدى ئانا زارلىنىپ، شۇ چاغقىچە نەلەردە يۈردۈڭ.

كۆزى تېشىلمەك

  • كۆزى تېشىلمەك[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ يولىغا كۆپ قاراپ قاتتىق ئىنتىزار بولماق:[مىسال:] سېنى كۈتۈپ كۆزۈم تېشىلدى، بىراق سەن ھازىرغىچە كەلمىدىڭ.

كۆزى چاچراپ چىقىپ كەتكۈدەك بولماق

  • كۆزى چاچراپ چىقىپ كەتكۈدەك بولماق[يەشمىسى:] ناھايىتى قاتتىق قورقماق:[مىسال:] قاراپ تۇرغانلارنىڭ كۆزلىرى چاچراپ چىقىپ كەتكۈدەك بولۇپ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى.

كۆزى چاقنىماق

  • كۆزى چاقنىماق[يەشمىسى:] ئاجايىپ خۇشال بولماق؛ خۇشاللىقتىن كۆزىدىن نۇر ياغماق:[مىسال:] بۇ تاسادىپىي ئۇچرىشىشتىن ھەيران بولغان يىگىتنىڭ كۆزى چاقناپ كەتتى.

كۆزى چانىقىدىن چىقىپ كەتمەك

  • كۆزى چانىقىدىن چىقىپ كەتمەك[يەشمىسى:] ① قاتتىق غەزەپلەنمەك:[مىسال:] ئەگەر بۇ ئاياللار قوش تۇتالمايدۇ، دېگەن سۆزنى ئاڭلىسا، غەزەپتىن كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كېتەتتى.[يەشمىسى:] ② قاتتىق قورقۇپ كەتمەك:[مىسال:] قاتىلنىڭ قولىغا كويزا سېلىندى. ئۇنىڭ پۇتلىرى تىترەپ كۆزى چانىقىدىن چىقىپ كېتەي دېگەنىدى.

كۆزى چۈشمەك

  • كۆزى چۈشمەك[يەشمىسى:] ① كۆرمەك، كۆزگە چېلىقماق:[مىسال:] سادىق چاتقاللىق ئىچىدىكى يۇلغۇن چېچەكلىرىگە نەزەر سېلىپ كېتىۋېتىپ، چوڭ يولدا يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان ئون ياشلاردىكى بىر بالىغا كۆزى چۈشتى.[يەشمىسى:] ② يارىتىپ قالماق، مەيلىتارتماق:[مىسال:] ئۆيگە كەلگەن چاغدىلا، تۆت قىزىنىڭ ئىچىدە شۇ قىزغا كۆزۈم چۈشكەن ئىدى.

كۆزى قىزارماق

  • كۆزى قىزارماق[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنى كۆرۈپ شۇ نەرسىگە ئېرىشكۈسى كېلىپ كەتمەك، نەپسى تاقىلدىماق:[مىسال:] قىز راسا ۋايىغا يەتكەندە، شۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىڭ كۆزى قىزىرىپ، قىزنى ئوردىغا ئەكىتىپتۇ.

كۆزى كىچىك

  • كۆزى كىچىك[يەشمىسى:] پىخسىق، بېخىل؛ ئىچى تار:[مىسال:] سېنىڭ قېيناتاڭ بەك كۆزى كىچىك ئادەم ئىكەن.

كۆزىگە قارىماق

  • كۆزىگە قارىماق[يەشمىسى:] ① بىراۋنىڭ رايىغا، خۇي-پەيلىگە، مىجەزىگە باقماق:[مىسال:] ھەرنېمە بولسا باشلىق دېگەننىڭ كۆزىگە قاراپ ئىش قىلغان ياخشى، دېدى ئالىم.[يەشمىسى:] ② ئېھتىيات قىلماق، پەخەس بولماق:[مىسال:] كۆزۈڭگە قاراپ ماڭ بالام.[يەشمىسى:] ③ بىرەر نەرسىنى قولدىن چىقىرىشقا قىيماسلىق:[مىسال:] پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپ ئاخىر ئۆيدىن قۇرۇق قالدى.

كۆزىگە كىرىۋالماق

  • كۆزىگە كىرىۋالماق[يەشمىسى:] كۆز ئالدىدىن نېرى كەتمەي، بىزەڭلىك قىلىپ تۇرۇۋالماق، چاپلىشىۋالماق:[مىسال:] ئانا، تولا گەپ سوراپ مېھماننىڭ كۆزىگە كىرىۋالماي، ئاۋۋال بىزگە چاي بەرسەڭچۇ، دېدى ئامانقۇل.

كۆزىگە ياغ تولماق

  • كۆزىگە ياغ تولماق[يەشمىسى:] تەككەببۇرلىشىپ، كىشى تونۇماس بولۇپ قالماق:[مىسال:] راستىنلا ئادەمنىڭ مەرتىۋىسى ئۆسكەندە كۆزىگە ياغ تولۇپ كېتەمدىكىن

كۆزىنى ئاچماق

  • كۆزىنى ئاچماق[يەشمىسى:] ئاق-قارىنى تونۇماق ياكى تونۇتماق؛ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتمەك:[مىسال:] مەكتەپ ھاياتى ھېلىمنىڭ كۆزىنى ئاچتى.

كۆزىنى ئالالماسلىق

  • كۆزىنى ئالالماسلىق[يەشمىسى:] قىزىقىش بىلەن قاراپلا قېلىش، تويماي قاراش:[مىسال:] ئۇ قىزدىن كۆزىنى ئالالماي قالدى.

كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرماق

  • كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرماق[يەشمىسى:] ① تەلمۈرمەك:[مىسال:] ئۇ كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنىڭغا بەرمەي يېگىلى بولسۇن.[يەشمىسى:] ② گۆشىيىپ، بېزىرىپ قارىماق:[مىسال:] چاۋا يېگەن مۈشۈكتەك كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرىدىغان نىجاتمۇ بىر بۇلۇڭغا كىرىۋالدى.

كۆزىنى چاپاق باسماق

  • كۆزىنى چاپاق باسماق[يەشمىسى:] ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلمەي قالماق؛ ھاكاۋۇرلىشىپ كىشىنى كۆزگە ئىلماس بولۇپ قالماق:[مىسال:] بورىچى ھالۋىچى بولسا، كۆزىنى چاپاق بېسىپتۇ (ماقال).

كۆزىنىڭ ئوچۇقىدا

  • كۆزىنىڭ ئوچۇقىدا[يەشمىسى:] ھايات ۋاقتىدا، تىرىك چاغدا:[مىسال:] ئوغلۇم بىز قېرىدۇق، كۆزىمىزنىڭ ئوچۇقىدا سېنى ئۆيلەپ قويساق دەۋاتىمىز.

كۆزى ئوچۇق قارىغۇ

  • كۆزى ئوچۇق قارىغۇ[يەشمىسى:] خەت ساۋادى يوق، ئوقۇمىغان، ساۋاتسىز.

كۆزى ئېچىلماق

  • كۆزى ئېچىلماق[يەشمىسى:] ئاق-قارىنى، ياخشى-ياماننى پەرق ئېتەلەيدىغان بولماق:[مىسال:] نەۋقىران چېغىڭدا يۇرت ئارىلىساڭ كۆزۈڭ ئېچىلىدۇ.

كۆزى يامان

  • كۆزى يامان[يەشمىسى:] «بەزى كىشىلەرنىڭ كۆزىدە قانداقتۇر بىر خىل سېھىر بار، ئۇ قارىغان نەرسىلەرگە زىيان-زەخمەت يېتىدۇ» دەيدىغان بىر خىل خۇراپىي چەشەنچە:[مىسال:] نوقانچىنىڭ كۆزى يامان، سۇخەنچىنىڭ سۆزى يامان (ماقال).

كۆز يەتكۈسىز

  • كۆز يەتكۈسىز[يەشمىسى:] چەكسىز كەتكەن، بىپايان:[مىسال:] كۆز يەتكۈسىز دالىنىڭ ھەممە يېرى ئالتۇندەك چاقناپ تۇراتتى.

كۆزى يورۇماق

  • كۆزى يورۇماق[يەشمىسى:] تۇغماق، بوشانماق، يەڭگىمەك:[مىسال:] مەلىكىنىڭ بويىدا قالغانىكەن ئېيى توشۇپ كۆزى يورۇپتۇ.

كۆز يۇمماق

  • كۆز يۇمماق[يەشمىسى:] ① ئۇخلىماق:[مىسال:] ئاتا-بالا پاراڭ سېلىشىپ، تاڭ ئاتارغا يېقىن ئازراق كۆز يۇمۇشتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھېچنېمە بىلمەس بولۇۋالماق؛ رەت قىلماق:[مىسال:] سىز رېئاللىققا كۆز يۇمالمايسىز.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆلمەك، ۋاپات بولماق:[مىسال:] ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، بوۋاي كۆز يۇمۇپتۇ.

كۆزەت

  • كۆزەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاراش، بېقىش، كۆزىتىش:[مىسال:] كۆزەتتە تۇرماق. كۆزەت قىلماق.

كۆزەتچى

  • كۆزەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر ئورۇننىڭ ئامانلىقىنى ساقلايدىغان ئادەم؛ قاراۋۇل.

كۆزەتچىلىك

  • كۆزەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆزەت قىلىش ئىشى، قاراۋۇللۇق:[مىسال:] كۆزەتچىلىق قىلماق.

كۆزەتكۈچى

  • كۆزەتكۈچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆزىتىدىغان، كۆزىتىشكە مەسئۇل بولغان ئادەم:[مىسال:] كېيىن ئۇقسام ئۇلار ئارقامغا كۆزەتكۈچى قويغانىكەن.

كۆزەتكۈزمەك

  • كۆزەتكۈزمەك[يەشمىسى:] «كۆزەتمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كۆزەتمەك

  • كۆزەتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەكشۈرمەك، كۆز-قۇلاق بولماق، بايقاپتۇرماق، كۆزدىن كەچۈرمەك، قارىماق.

كۆزىتىشمەك

  • كۆزىتىشمەك[يەشمىسى:] «كۆزەتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كۆزىتىلمەك

  • كۆزىتىلمەك[يەشمىسى:] «كۆزەتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كۆزەل

  • كۆزەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لوخو بېلىقنىڭ بېلەكتەك ۋاقتى.

كۆزەينەك

  • كۆزەينەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆز+ئەينەك[[يەشمىسى:] كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، كۆزنى كۈچلۈك كۈن نۇرى، شامال، قۇم-بوراندىن ئاسراش ئۈچۈن، كۆزگە تاقايدىغان ئەينەك.

كۆزەينەكلىك

  • كۆزەينەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆزەينەك تاقىغان:[مىسال:] ھويلىغا كۆزەينەكلىك بىر كىشى كىرىپ كەلدى.

كۆزسىمان

  • كۆزسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆزگە ئوخشايدىغان، كۆز شەكلىدىكى:[مىسال:] كۆزسىمان قۇرۇلما.

كۆزقاراش

  • كۆزقاراش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆز+قاراش[[يەشمىسى:] «نۇقتىئىنەزەر»گە قاراڭ.

كۆز-قارىن

  • كۆز-قارىن[يەشمىسى:] كۆز ۋە قارىن:[مىسال:] خەلقنىڭ كۆز-قارنى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەككە تويدى.

كۆز-قارنى توق

  • كۆز-قارنى توق[يەشمىسى:] تەمەخور ئەمەس؛ باشقىلارنىڭ نەرسىسىگە كۆز سالمايدىغان؛ قانائەتچان:[مىسال:] بىز ئۇنداق-مۇنداق نەرسىلەرگە ئۆزىمىزنى بۇزىدىغانلاردىن ئەمەس، كۆز-قارنىمىز توق، دېدىم ئاچچىقىمدا.

كۆز-قۇلاق

  • كۆز-قۇلاق[يەشمىسى:] ① كۆز ۋە قۇلاق. [يەشمىسى:] ② «بولماق» پېئىلى بىلەن كېلىپ: 1) «ھالىدىن خەۋەر ئالماق، دىققەت قىلماق» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىز سەپەرگە چىقىدىغان بولۇپ قالدۇق، سىز قوشنا بولغاندىن كېيىن، بالىلىرىمىزغا ئانچە-مۇنچە كۆز-قۇلاق بولۇپ قويارسىز، دېدى سەلىم ئاكا كۆزىگە ياش ئېلىپ.[يەشمىسى:] 2) كۆچمە مەنىدە «پايلىماق، پېيىگە چۈشمەك» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] سېيىت ھاجى ئابدۇراخماننىڭ بۇ يەرگە كەلگەن بىر ئايدىن بېرى ئۆزىگە كۆز-قۇلاق بولۇپ يۈرگەنلىكىنى سەزمىدى.

كۆزگۈ

  • كۆزگۈ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم ئۆزىنى كۆرىدىغان ئەينەك.

كۆزگۈنەك

  • كۆزگۈنەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۆكىنەك.

كۆزلەشمەك

  • كۆزلەشمەك[يەشمىسى:] «كۆزلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىشتىن كېيىن ئېتىز يولىدا، قىز ۋە يىگىت خۇشال سۆزلەشتى. ئىزھار قىلىپ يۈرەك سىرىنى، مەقسىتىنى روشەن كۆزلەشتى.

كۆزلەنمەك

  • كۆزلەنمەك[يەشمىسى:] «كۆزلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كۆزلەنگەن نىشان. كۆزلەنگەن غايە.

كۆزلۈك

  • كۆزلۈك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆزى بار، كۆز قويۇلغان، كۆز ئورنىتىلغان:[مىسال:] ياقۇت كۆزلۈك ئۈزۈك. ياقۇت كۆزلۈك ھالقا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماتا توقۇش دۇكىنىدىكى موللاقچىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاستىن-ئۈستۈن ئۆرۈشلەرنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان، ھەربىر كۆزى ئۆرۈشلەرنى دانىمۇدانە ئايرىپ تۇرىدىغان جاھاز.

كۆزلىمەك

  • كۆزلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسە ياكى مەقسەتنى كۆزدە تۇتماق، مۆلچەرلىمەك ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماق:[مىسال:] مۇنداق قىلساڭلار كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەيسىلەر.[يەشمىسى:] ② چەنلىمەك، نىشانغا ئالماق:[مىسال:] تورۇسقا ئېسىغلىق تۇرغان ئون چىراغنى كۆزلەپ ئايپالتىنى ئاتتىم.

كۆزمونچاق

  • كۆزمونچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆز+مونچاق[[يەشمىسى:] تىل تەگمەسلىك ئۈچۈن بويۇنغا ئاسىدىغان بىر خىل مارجان.

كۆزنەك

  • كۆزنەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] دېرىزىنىڭ ھەر كۆزى.[يەشمىسى:] ② كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ يىڭنە ئۆتۈشىدىغان تاختىسىمان دېتالى.[يەشمىسى:] ③ ھارۋا چاقىنىڭ بۇلى ئىچىگە ئورنىتىلىدىغان تۇرۇبا شەكىللىك دېتال.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] سىيرىلما قازاننىڭ ئوق بىلەن تېگىشىدىغان قىسمى.

كۆسەك

  • كۆسەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كېۋەزنىڭ مايسا دەۋرىدىن غوزا تۇتۇش دەۋرىگىچە بولغان ۋاقتى.

كۆسەي

  • كۆسەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تونۇرنىڭ ئوتىنى يىغىدىغان ۋە ئوت چۇخچىلايدىغان ئۇزۇن ياغاچ ۋە شۇنىڭ رولىنى ئوينايدىغان نەرسە.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] قارا مىلتىق:[مىسال:] شۇ قارا كۆسەي بىزدە بولمىغانلىقتىن، بەگ ھۆركىرەپ يۇرتقا پاتماي كەتتى.

كۆشەتمەك

  • كۆشەتمەك[يەشمىسى:] «كۆشىمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەگەر كۆشەيدىغان ماللارنىڭ قورسىقى كۆپۈپ كەتسە، ئېغىزىغا كۆشەك سېلىپ كۆشەتسە، قورساق كۆپۈكى يانىدۇ.

كۆشەشمەك

  • كۆشەشمەك[يەشمىسى:] «كۆشىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تۆگىلەر چۆپلۈكتە ياتار كۆشىشىپ، سۇ ئىچىپ قېنىشار قويلار بۇلاقتىن. يايلاقنى بۆشۈكتەك تەۋرىتىپ لەرزان، چۇپان قىز ناخشىسى ياڭرار ئۇزاقتىن.

كۆشەك

  • كۆشەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھايۋانلارنىڭ بىرنەرسىنى يەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بېشىغا كىيدۈرۈپ قويىدىغان تور.[يەشمىسى:] ② كۆشەيدىغان ھايۋانلارنىڭ قورسىقى كۆپۈپ كەتكەندە كۆپۈكنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئاغزىغا توغرا سالىدىغان ياغاچ.[يەشمىسى:] ③ كۆشەيدىغان ھايۋانلارنىڭ قوۋۇزى.

كۆشۈك

  • كۆشۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىغ ۋە كۇلىدىن تور شەكىلدە توقۇلىدىغان تاغار.

كۆشۈكى بىر تىيىن

  • كۆشۈكى بىر تىيىن[يەشمىسى:] ناھايىتى ئەرزان، قىممىتى يوق، ئەرزىمەس.

كۆشۈكلۈك

  • كۆشۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆشۈكى بار، كۆشۈك ئارتقان.

كۆشۈگە

  • كۆشۈگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كارىۋاتقا تارتىلىدىغان پەردە، چىمىلدىق.[يەشمىسى:] ② ئەتلەس توقۇشتا موكىنىڭ دۇكان ئورىسىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تارتىلغان رەخت.

كۆشىگۈچىلەر

  • كۆشىگۈچىلەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] جۈپ تۇياقلىقلار ئىچىدىكى بەزى ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ھايۋانلارنىڭ ئاشقازىنى چوڭ قېرىن، ئۆپكە ئاغزى، توققۇزتونلۇق ۋە شىرداندىن ئىبارەت تۆتكە بۆلۈنىدۇ. ئوزۇق يۇتۇلغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن چوڭ قېرىنغا، ئاندىن ئۆپكە ئاغزىغا ئۆتىدۇ، ئۇندىن كېيىن قايتا ئېغىزغا قايتۇرۇلۇپ يۇمشىتىلىدۇ، ئاندىن توققۇزتونلۇق، شىردانغا ئۆتۈپ ھەزىم قىلىنىدۇ. مەسىلەن، كالا، قوي، بۇغا قاتارلىقلار. بەزىلىرىنىڭ ئاشقازىنى ئۈچكە بۆلۈنۈپ، توققۇزتونلۇق بىلەن شىردان بىرلىشىپ كەتكەن. بۇنىڭغا تۆگە مىسال بولالايدۇ.

كۆشىمەك

  • كۆشىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئوزۇقلىنىپ بولغاندىن كېيىن، شۇ يېگەن نەرسىسىنى ئوبدان سىڭدۈرۈش ئۈچۈن قايتىدىن ئېغىزىغا ئەكىلىپ چاينىماق (كۆشۈگۈچى ھايۋانلار ھەققىدە):[مىسال:] چاينىماي يېگەن كۆشىمەي ئۆلەر (ماقال). * چېچەن يىگىت يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى بىلەر (ماقال).

كۆك Ⅰ

  • كۆك Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىنىق ئاسمان رەڭگىدىكى، قېنىق ھاۋا رەڭ، ماۋى:[مىسال:] كۆك ئامفىبول. كۆك قاشتېشى. كۆك كۆز. كۆك ياقۇت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەر ئۈستىدە گۈمبەز شەكلىدە كۆرۈنۈپ تۇرغان ھاۋا قاتلىمى، ئاسمان:[مىسال:] كۆكتە ئۇچماق. كۆكتە پەرۋاز قىلماق. كۆككە كۆتۈرۈلمەك.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېڭى چىققان، ئۆسۈۋاتقان ئوت-چۆپ:[مىسال:] ماللار كۆككە تويدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆكتات (ئاساسەن بېدىنىڭ يۇمران ۋاقتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ):[مىسال:] كۆك چۆچۈرىسى. كۆك سامسىسى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېشىل:[مىسال:] كۆك تاماكا. كۆك ئامۇت. كۆك ئەمەن. كۆك بانان.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىشمىغان، خام (مېۋە-چېۋە، يەل-يېمىش ھەققىدە):[مىسال:] كۆك غورا.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سەي-كۆكتاتلارنىڭ يوپۇرمىقى:[مىسال:] سەۋزە كۆكى.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاياق زەربىسى ياكى باشقا بىرەر نەرسىنىڭ قاتتىق تېگىشىدىن بەدەندە قالغان كۆك رەڭلىك ئىز:[مىسال:] بەدەنگە كۆك چۈشمەك.

كۆككە سورۇماق

  • كۆككە سورۇماق[يەشمىسى:] بۇزۇپ-چاچماق، ۋەيران قىلماق.

كۆككە كۆتۈرمەك

  • كۆككە كۆتۈرمەك[يەشمىسى:] ھەددىدىن زىيادە ماختىماق، ماختاپ ئۇچۇرماق.

كۆك نامرات

  • كۆك نامرات[يەشمىسى:] ئىنتايىن كەمبەغەل.

كۆكⅡ

  • كۆكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يوغان ئاتلاپ تىكىلگەن تىكىچ:[مىسال:] كۆك سالماق.

كۆكⅢ

  • كۆكⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەسل، تەكت، تېگى-تەكت، ئەجداد:[مىسال:] كۆكۈڭ كىم

كۆكⅣ

  • كۆكⅣ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۆكەرمە، ئۇششۇق، مۇتتەھەم.

كۆكەر

  • كۆكەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سۇ قاچىسى، سۇدان.

كۆكەرتمەك

  • كۆكەرتمەك[يەشمىسى:] «كۆكەرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يۇرتنى كۆكەرتمەك.

كۆكەرتىشمەك

  • كۆكەرتىشمەك[يەشمىسى:] «كۆكەرتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كۆكەرتىلمەك

  • كۆكەرتىلمەك[يەشمىسى:] «كۆكەرتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئىككى شىرنىڭ تاش ھەيكىلى ئورنىتىلغان يەردىن باشلاپ ئىككى قاتار سېدە دەرىخى كۆكەرتىلگەنىدى.

كۆكەرمە

  • كۆكەرمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جېدەلخور، ئۆكتەم، ئۇششۇق:[مىسال:] بۇ كۆكەرمە قېرىنى ئىشخانىغا ئېلىپ بېرىڭلار ∥ مەسۈم ھېلىقى كۆكەرمىنى راسا سېلىشقا باشلىدى.

كۆكەرمەك

  • كۆكەرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دەل-دەرەخ يوپۇرماق چىقىرىپ، گۈل-گىياھلار ئۈنۈپ، كۆك ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئەمگەك بىلەن ئەر كۆكىرەر، يامغۇر بىلەن يەر كۆكىرەر(ماقال).[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك ماددىلار كۆكىرىك زەمبۇرۇغىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن بۇزۇلۇپ، سۈپىتىنى ئۆزگەرتمەك؛ پاختىلاشماق:[مىسال:] نان كۆكىرىپ قالماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاچچىقلانماق، خاپا بولماق:[مىسال:] ھە بىكاردىن-بىكار نېمىگە كۆكىرىسەن قىلمىغان بولساڭ چىرايلىقچە گەپ قىلساڭ بولدىغۇ[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بەك توڭۇپ كەتمەك، مۇزلاپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ قۇلاقلىرى توڭلاپ كۆكىرىپ كەتكەنىدى.

كۆكەرمىلىك

  • كۆكەرمىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جېدەلخورلۇق، ئۆكتەملىك، ئۇششۇقلۇق:[مىسال:] ئۇ ھەدېسىلا چاپىنىنى سېلىپ تاشلىۋېتىپ، كۆكەرمىلىك قىلىپ ئوتتۇرىغا ئېتىلىپ چىقىدىغان بولۇۋالدى.

كۆكبوغۇم

  • كۆكبوغۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆك+بوغۇم[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كۆكبوغۇم ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى سۆسۈن، غول يوپۇرمىقىدىن كۆك بوياق ئىشلىنىدۇ.

كۆكپىت

  • كۆكپىت[قۇرۇلمىسى:]]كۆك+پىت[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. تېنى ياپىلاقراق يۇمىلاق، رەڭگى يېشىل، سېرىق ياكى قوڭۇر، قورسىقى چوڭ. تۈرلىرى كۆپ، بەزىلىرى ئۆي ھايۋانلىرىدا بولىدۇ؛ بەزىلىرى ئۆسۈملۈكنىڭ شىرنىسىنى شوراپ، زىرائەتلەرگە زىيان سالىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇتتەھەم، ئۇششۇق، بىشەم:[مىسال:] كۆكپىت ئادەم.

كۆكتات

  • كۆكتات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىستېمال قىلىدىغان ئوتياش، سەيلەر.

كۆكتاتچى

  • كۆكتاتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆكتات تېرىپ ساتىدىغان ئادەم.

كۆكتاتچىلىق

  • كۆكتاتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆكتات تېرىش ۋە سېتىش ئىشى.

كۆكتاتلىق

  • كۆكتاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆكتات ئۆستۈرۈلگەن جاي، ئورۇن.

كۆكتارغاق

  • كۆكتارغاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆك+تارغاق[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قۇشلارنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى. تۇمشۇقى ئۇزۇن ھەم تۈز، كۆك ھەم يېشىل كېلىدۇ، پەي-تۈكلىرى بولىدۇ، تېز ئۇچالايدۇ. سۇ بويىدا ياشايدۇ. كىچىك بېلىق ۋە راكلارنى يەيدۇ، پەي-تۈكلىرىدىن زىننەت بۇيۇملىرى ياسىلىدۇ.

كۆكتاش

  • كۆكتاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆك+تاش[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] تەركىبىدە بەش مولېكۇلا كرىستال سۇ بولغان مىس سۇلفات، يەنى كۆك رەڭلىك كرىستال جىسىم.

كۆكتالغۇ

  • كۆكتالغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] «تۆمۈرتۇمشۇق»قا قاراڭ.

كۆكتولغاق

  • كۆكتولغاق[قۇرۇلمىسى:]]كۆك+تولغاق[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. تېنى قۇشقاچچىلىك كېلىدۇ، پەي-تۈكلىرى قوڭۇر بولىدۇ. ئەركىكىنىڭ گېلى ئاسمان كۆكى رەڭگىدە، چىرايلىق سايرايدۇ.

كۆكتۈرك

  • كۆكتۈرك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆك+تۆرك[[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] مىلادىيەⅤۋە Ⅵ ئەسىرلەردە ئۇرخۇن ۋادىسىدىن تارتىپ تەڭرى تاغلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيىغىچە بولغان زېمىنلاردا ياشىغان قەدىمكى تۈرك قەبىلىسى.

كۆكتۈرك خانلىقى

  • كۆكتۈرك خانلىقى[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] كۆكتۈرۈكلەر تەرىپىدىن مىلادىيە 552-يىلى ئاشىنا ئۇرۇقىدىن بولغان تۈمەن (مەڭگۈ تاشلاردا «بۇمىن» دېيىلىدۇ) نىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان خانلىق. ئۇنىڭ زېمىنى شەرقتە لياۋخې دەرياسى، غەربتە كاسپى دېڭىزى، جەنۇبتا موڭغۇلىيە چۆللۈكىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايونلار، شىمالدا سىبىرىيە تاغلىرى ئارىلىقلىرى بولغان. مىلادىيە 774-يىلى ئۇيغۇر ياغلىقلار ئۇرۇقىدىن بولغان قۇتلۇق بىلگە كۆل خاقاننىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانلىقى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.

كۆكتۈركچە

  • كۆكتۈركچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] كۆكتۈركلەر ئىشلەتكەن تۈرك تىلى. ئۇرخۇن-يەنسەي يېزىق تىلى. سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ.

كۆكتىكەن

  • كۆكتىكەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆك+تىكەن[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<قوڭغۇراقۋاش.

كۆكچە

  • كۆكچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پوستى كۆك ياكى قارامتۇل كۆك، ئىچى قىزىل ياكى ئاق چىقىدىغان، سۇ تەركىبى مول، چۈرۈك، تەمى ئىنتايىن تاتلىق بولغان بىر خىل قوغۇن.

كۆكچېچەك

  • كۆكچېچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆك+چېچەك[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «كاسىنە»گە قاراڭ.

كۆكچى

  • كۆكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۆكتات تېرىغۇچى دېھقان.

كۆكچىچقاق

  • كۆكچىچقاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆك+چىچقاق[[يەشمىسى:] مال-چارۋىلاردا بولىدىغان بىر خىل ئىچ سۈرۈش كېسلى.

كۆكرەك

  • كۆكرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] بەدەننىڭ بويۇندىن قورساققىچە بولغان ئالدى قىسمددىكى بىر جۈپ سۈت بېزى؛ ئەمچەك.[يەشمىسى:] ③ كىيىمنىڭ يۇقىرى ئالدى قىسمى:[مىسال:] كۆكرەك قاتۇرمىسى.

كۆكرەكلىك

  • كۆكرەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆكرىكى بار، كۆكرەككە ئىگە، كۆكرىكى چوڭ:[مىسال:] مەن ئۆيگە كىرىپ بەش مىنۇتتىن كېيىن، ئېگىز بويلۇق، كەڭ كۆكرەكلىك، 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت ئۆيگە كىردى.

كۆكس

  • كۆكس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كۆكرەك، مەيدە:[مىسال:] كۆكسى ئاغرىماق.[يەشمىسى:] ② ئەمچەك جايلاشقان ئورۇن؛ ئەمچەك.[يەشمىسى:] ③ بىرەر نەرسىنىڭ ئىچى، باغرى:[مىسال:] تەبىئەت ھۆسنىدىن كۆكسۈم قانغۇدەك بەھر ئالالايدىغان بولغىنىمغا مەغرۇرلىنىمەن.

كۆكس-قارىن

  • كۆكس-قارىن[يەشمىسى:] كۆكس ۋە قارىن:[مىسال:] كۆكسى-قارنى بوشىماق.

كۆكسۇ

  • كۆكسۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تولا يۆتىلىدىغان، يۆتەلگەك.

كۆكسۇلتان

  • كۆكسۇلتان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆك+سۇلتان[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئالۇچىنىڭ بىر خىل سورتى. مېۋىسى يېشىل، پوستى سۈزۈك بولۇپ، تەمى ئىنتايىن ياخشى.

كۆكسېغىز

  • كۆكسېغىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆك+سېغىز[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. كۆرۈنۈشى مامكاپقا ئوخشاپ كېتىدۇ. تېنىدە سۈتى بار. يوپۇرمىقى گۆشلىشىدۇ، تۆمۈنە شەكىللىك، گۈلى سېرىق. يىلتىزىدىن كاۋچۇك ئېلىنىدۇ.

كۆكسىمەك

  • كۆكسىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] گەپ تالاشماق، گەپ تەگەشمەك، ئەزۋەيلىمەك.

كۆكلەتمەكⅠ

  • كۆكلەتمەكⅠ[يەشمىسى:] «كۆكلىمەكⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كۆك بۇغداينى كۆكلەتكەن، كارامەتلىك ئاقئۆستەڭ. ئىلى ئالەم خەلقىگە، ساخاۋەتلىك ئاقئۆستەڭ.

كۆكلەتمەكⅡ

  • كۆكلەتمەكⅡ[يەشمىسى:] «كۆكلىمەكⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ياسىن ئۇستام شاگىرتىغا جۇۋىنى كۆكلىتىۋاتاتتى.

كۆكلەتمەكⅢ

  • كۆكلەتمەكⅢ[يەشمىسى:] «كۆكلىمەكⅢ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كۆكلەشمەكⅡ

  • كۆكلەشمەكⅡ[يەشمىسى:] «كۆكلىمەكⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كۆكلەشمەكⅢ

  • كۆكلەشمەكⅢ[يەشمىسى:] «كۆكلىمەكⅢ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كۆكلەنمەكⅠ

  • كۆكلەنمەكⅠ[يەشمىسى:] «كۆكلىمەكⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كۆكلەنمەكⅡ

  • كۆكلەنمەكⅡ[يەشمىسى:] «كۆكلىمەكⅢ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كۆكلەم

  • كۆكلەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەر-جاھان كۆكەرگەن، يېشىللىققا پۈركەنگەن پەيت؛ باھار، ئەتىياز:[مىسال:] ئۇلار كۆكلەم كېلىپ، يەر-جاھان ئويغانغاندا نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزدى.

كۆكلىمەكⅠ

  • كۆكلىمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يوپۇرماق چىقىرىپ، شاخلىرى بوي تارتىپ ئۆسمەك، كۆكەرمەك:[مىسال:] ئۆمۈر دېگەن بىر دەرەخكە ئوخشايدۇ، سۈيى، يېرى، پەرۋىشى جايىدا كەلسە، ئۇ كۆكلەيدۇ؛ بولمىسا قۇرۇيدۇ، يىقىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] روناق تاپماق، راۋاجلانماق:[مىسال:] خېلىچىخاننىڭ ئۆلۈمى ئەمدىلا بەختىنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆكلەۋاتقان بۇ ئائىلىگە چوڭقۇر قايغۇ-مۇسىبەت ئېلىپ كەلدى.

كۆكلىمەكⅡ

  • كۆكلىمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كىيىم-كېچەك، يوتقان-كۆرپە قاتارلىقلارنى قولدا يىڭنە بىلەن چوڭ-چوڭ ئىلىپ، ئاتلاپ-ئاتلاپ تىكمەك:[مىسال:] ئاپام چاپىنىمنىڭ يىرتىلغان يېرىنى بىرقانچە يەردىن كۆكلەپ تىكىپ قويدى.[يەشمىسى:] ② ئاتلىماق، سەكرىمەك:[مىسال:] ئۇ ماڭا ئىككى كۆكلەپ يېتىۋالدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەردىمەك، ئەزۋەيلىمەك:[مىسال:] ئۇ بارغانچە قاتتىق كۆكلەپ، ئاچچىق ئۈن سېلىپ يىغلايتتى.

كۆكلىمەكⅢ

  • كۆكلىمەكⅢ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سەي-كۆكتاتلارنىڭ كۆكىنى ئالماق:[مىسال:] چامغۇر كۆكلىمەك. سەۋزە كۆكلىمەك.

كۆكمارال

  • كۆكمارال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆك+مارال[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كۆكمارال ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.

كۆكمەت

  • كۆكمەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1— 2.1 مېتىر كېلىدۇ، شەكلى ئۆچكىگە ئوخشايدۇ، لېكىن ساقىلى بولمايدۇ. مۈڭگۈزى كىچىك ۋە قارا، بوينى توم ھەم قىسقا، يۇڭى يۇمشاق، قېلىن كېلىدۇ. تېرىسىدىن كىيىم تىككىلى، گۆشىنى ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ.

كۆكمۇچ

  • كۆكمۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆك+مۇچ[[يەشمىسى:] «لازا»غا قاراڭ.

كۆكنار

  • كۆكنار[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئەپيۈنگۈل.[يەشمىسى:] ② ئەپيۈنگۈلنىڭ غوزىسى.

كۆكنارچى

  • كۆكنارچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆكنار تېرىيدىغان ياكى ئۇنىڭدىن چېكىملىك تەييارلاپ ساتىدىغان كىشى.

كۆكنارخانا

  • كۆكنارخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆكنار چېكىملىكى تەييارلىنىدىغان ياكى چېكىلىدىغان ئۆي، جاي.

كۆكۈر

  • كۆكۈر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سۇدان، سۇ قاچىسى.

كۆكۈشكەن

  • كۆكۈشكەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كەپتەر.

كۆكۈلمەيدان

  • كۆكۈلمەيدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوت-چۆپ، گۈل-گىياھ، ھەر خىل زىرائەتلەر ئۆسكەن، يېشىللىق قاپلىغان جاي، ئورۇن.

كۆكۈمتۇل

  • كۆكۈمتۇل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆككە مايىل، سۇس كۆك:[مىسال:] ئۇ دېرىزىنىڭ يېنىغا بېرىپ، سەھەرنىڭ كۆكۈمتۇل تۇمانىدا يالغۇز تۇرغان دەرەخكە قاراپ تۇردى.

كۆكۈيۈن

  • كۆكۈيۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھاشاراتلارنىڭ بىر ئائىلىسى. تېنى ئۇزۇن، ئېللىپس شەكىللىك، بېشى كەڭ، سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى قىسقا، مۇرەككەپ كۆزى چوڭ ۋە قارامتۇل يېشىل، ئېغىزى توم، قورساق قىسىملىرى چوڭ ھەم ئۇزۇن كېلىدۇ. دالىلاردا، ئوت-چۆپ ئارىسىدا ياشايدۇ. ئەركىكى ئۆسۈملۈك شىرنىسى ياكى گۈل شىرنىسىنى، چىشىسى ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ قېنىنى شوراپ ياشايدۇ.

كۆكۋاش

  • كۆكۋاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆك+باش[[يەشمىسى:] يېڭىدىن دان تۇتقان، تېخى رەسمىي پىشمىغان، سۈتى قاتمىغان قوناق.

كۆكۋېشى

  • كۆكۋېشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆك+باش+ى[[يەشمىسى:] ① سۇغا قارايدىغان ئادەم، مىراب.[يەشمىسى:] ② زىرائەت ۋە ئوت-چۆپلۈكلەرگە قارايدىغان كىشى.

كۆكۋېشىلىق

  • كۆكۋېشىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① سۇغا قاراش، سۇ باشقۇرۇش ئىشى.[يەشمىسى:] ② زىرائەت ۋە ئوت-چۆپلەرگە قاراش ئىشى.

كۆكىرىشچان

  • كۆكىرىشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆكىرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان، تېز كۆكىرىدىغان:[مىسال:] كۆكىرىشچان ئۆسۈملۈك.

كۆكىرىشچانلىق

  • كۆكىرىشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېز كۆكىرىش خۇسۇسىيىتى:[مىسال:] نەشپۈت دەرىخىنىڭ كۆكىرىشچانلىقى ياخشى بولغانلىقىدىن تېزرەك ئۆسىدۇ.

كۆكىرىك

  • كۆكىرىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كۆكەرتىش:[مىسال:] كۆكىرىك كېسىلى.[يەشمىسى:] ② كۆكىرىك زەمبۇرۇغى.

كۆكىمەك

  • كۆكىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تەگىمەك.

كۆكىنەك

  • كۆكىنەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل گۆشخور قۇش. چوڭلۇقى پاختەكچىلىك، رەڭگى كۈل رەڭ ئاق كېلىدۇ. ھاۋادا خېلى ئۇزۇنغىچە بىر جايدا لەيلەپ تۇرالايدۇ. پاتمىچۇق، كەسلەنچۈك قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.

كۆكيار

  • كۆكيار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆك+يار[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] «قۇلان»غا قاراڭ.

كۆكيامان

  • كۆكيامان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆك+يامان[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئۆچكە بىلەن قوي ئارىلىقىدىكى بىر خىل ھايۋان. ئەركىكىنىڭ مۈڭگۈزى چوڭ ھەم توم، لېكىن ئانچە ئۇزۇن ئەمەس، سەل ئەگرى چىشىسىنىڭ مۈڭگۈزى قىسقا، تۈز، تۈكلىرى كۆكۈچ قوڭۇر، بۇرۇتلىرى يوق. ئېگىز تاغ قىيالىرىدا ياشايدۇ، ئېگىز تاغدىكى زىرائەتلەرگە ئازراق زىيىنى بار.

كۆكيۆتەل

  • كۆكيۆتەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆك+يۆتەل[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل. كۆكيۆتەل تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ نەپەس يولىغا كىرىۋېلىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ.

كۆگەⅠ

  • كۆگەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «پىيىزەك»كە قاراڭ.

كۆگەⅡ

  • كۆگەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قازان قارىسى؛ كۈيە.

كۆگەشمەك

  • كۆگەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۆگەنگە باغلىماق.

كۆگەل

  • كۆگەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەركەك ئۆردەك.

كۆگەن

  • كۆگەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سېغىن ۋاقتىدا قوزا، ئوغلاقلارنى باغلاپ قويىدىغان ئىلمەكلىك ئارغامچا.

كۆگەنلىمەك

  • كۆگەنلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① قول ياكى باشقا نەرسە بىلەن تورىماق، توسماق:[مىسال:] ئۇ باغرى بىلەن قەبرىنى كۆگەنلەپ يىغلاۋاتقان ئانىغا جىمجىت كۆز تىكىپ ئولتۇراتتى.[يەشمىسى:] ② قوزا، ئوغلاقلارنىڭ بېشىنى كۆگەن (ئىلمەكلىك ئارغامچا)نىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويماق.

كۆڭتەي

  • كۆڭتەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] دەرەخ، مۇز قاتارلىقلارنىڭ ئىچى بوش، كاۋاك قىسمى.

كۆڭلەك

  • كۆڭلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەر-ئاياللارنىڭ چاپان ۋە پوپايكىنىڭ ئىچىگە، مايكا ياكى رۇباشكىنىڭ ئۈستىگە كىيىدىغان نېپىز كىيىمى.

كۆڭلەكچان

  • كۆڭلەكچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆڭلەك كىيىپ ئۈستىگە چاپان كىيمىگەن:[مىسال:] كۆڭلەكچان يۈرمەك.

كۆڭلەكلىك

  • كۆڭلەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كۆڭلىكى بار، كۆڭلەك كىيگەن، كۆڭلەكچان:[مىسال:] كۆڭلەكلىك ئايال.[يەشمىسى:] ② كۆڭلەك تىكىشكە يېتىدىغان:[مىسال:] بىر كۆڭلەكلىك رەخت.

كۆڭلەن

  • كۆڭلەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] خىيالى بويىچە، تەسەۋۋۇرى بويىچە؛ خىيالەن:[مىسال:] كۆڭلەن سىزما.

كۆڭلى-كۆكسى

  • كۆڭلى-كۆكسى[يەشمىسى:] كۆڭۈل ۋە كۆكسى:[مىسال:] كۆڭلى-كۆكسى كەڭ. كۆڭلى-كۆكسى يايرىماق.

كۆڭلى-كۆكسى كەڭ

  • كۆڭلى-كۆكسى كەڭ[يەشمىسى:] ئەپۇچان، كەك ساقلىمايدىغان:[مىسال:] كۆڭلى-كۆكسى كەڭ كىشىلەر ھەرقانداق جايدا ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەردۇر.

كۆڭۈل (كۆڭلى)

  • كۆڭۈل (كۆڭلى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكىر، ھېس-تۇيغۇلىرىنىڭ مەنبەسى؛ يۈرەك، قەلب، دىل:[مىسال:] ئوق ئاتما، كۆڭۈل ساتما (ماقال). * ئۆيۈڭ تار بولسىمۇ، كۆڭلۈڭ كەڭ بولسۇن (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئەس-ياد، ئوي-خىيال، نىيەت:[مىسال:] ئاتىنىڭ كۆڭلى بالىدا، بالىنىڭ كۆڭلى دالىدا (ماقال). * ئايزىمخان كۆڭلىدىكىلىرىنى ھېزىمخانغا ئېيتتى.

كۆڭلى بار

  • كۆڭلى بار[يەشمىسى:] ياخشى كۆرىدۇ، سۆيىدۇ، ئامراق:[مىسال:] ئېيتە، ئۇنىڭغا كۆڭلۈڭ بارمۇ، يا

كۆڭلى بوشىماق

  • كۆڭلى بوشىماق[يەشمىسى:] غەم-ئەندىشىسى ئازىيىپ قالغاندەك بولماق، دەرد-ئەلىمى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلماق:[مىسال:] شۇ گەپلەرنى دەۋالغاندىن كېيىن خېلى كۆڭلۈم بوشاپ قالدى.

كۆڭلى پۈتۈن

  • كۆڭلى پۈتۈن[يەشمىسى:] غەم-ئەندىشىسى يوق، غەمدىن خالاس:[مىسال:] كېرەك يوق، كۆڭلىڭىزنى پۈتۈن تۇتۇڭ، بۇ ئىش ھامان ھەل بولىدۇ، دېدى ئۇنىڭغا.

كۆڭلى توڭلىماق

  • كۆڭلى توڭلىماق[يەشمىسى:] رايى قايتماق، خۇشى كەتمەك:[مىسال:] بىزگە قىلغان قوپاللىقىڭنى قىزغا قىلساڭ، كۆڭلى توڭلاپ قالىدۇ.

كۆڭلى چۈشمەك

  • كۆڭلى چۈشمەك[يەشمىسى:] ياخشى كۆرۈپ قالماق، يارىتىپ قالماق، سۆيمەك.

كۆڭلى سۇس

  • كۆڭلى سۇس[يەشمىسى:] مەيلى ئانچە يوق، تازا رايى تارتمىغان:[مىسال:] بۇ ئىشقا ئەزەلدىنلا كۆڭلۈم سۇس ئىدى.

كۆڭلى سۇ ئىچمەك

  • كۆڭلى سۇ ئىچمەك[يەشمىسى:] رازى بولماق، قانائەت ھاسىل قىلماق، خۇشاللىق ھېس قىلماق:[مىسال:] كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر (ماقال).

كۆڭلى سۇيۇق

  • كۆڭلى سۇيۇق[يەشمىسى:] تۇرالغۇسى يوق، ئۈجمە كۆڭۈل:[مىسال:] مېنىزە شۇنچە كۆڭلى سۇيۇق قىز دەپ چاغلاپتىكەنسىز-دە

كۆڭلى سۆيۈنمەك

  • كۆڭلى سۆيۈنمەك[يەشمىسى:] رازى بولماق، خۇش بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] نەۋرىسىنىڭ ئوماق ھەرىكەتلىرىدىن ئانىنىڭ كۆڭلى سۆيۈنۈپ كەتتى.

كۆڭلى قالماق

  • كۆڭلى قالماق[يەشمىسى:] راي قايتماق؛ ئىشەنچىنى، ياخشى كۆرۈش تۇيغۇسىنى يوقاتماق؛ ئۈمىدسىزلەنمەك.

كۆڭلى كۆتۈرمەك

  • كۆڭلى كۆتۈرمەك[يەشمىسى:] رايى بارماق، قوبۇل قىلماق:[مىسال:] مۇشۇنداق قىلىشقا قانداق كۆڭلۈڭ كۆتۈردى.

كۆڭلى كۆتۈرۈلمەك

  • كۆڭلى كۆتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] شاد-خۇرام بولماق، خۇرسەن بولماق.

كۆڭلى نازۇك

  • كۆڭلى نازۇك[يەشمىسى:] زىل، گەپ كۆتۈرەلمەيدىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ قول-ئىلكىدە ھېچ نەرسە بولمىسىمۇ، كۆكسى-قارنى كەڭ، كۆڭلى نازۇك ئىدى.

كۆڭۈل ئاچماق

  • كۆڭۈل ئاچماق[يەشمىسى:] ئويناپ يايرىماق، خۇشال بولماق، ئويۇن-تاماشا قىلماق.

كۆڭۈل ئاغرىماق

  • كۆڭۈل ئاغرىماق[يەشمىسى:] رەنجىمەك، خاپا بولماق:[مىسال:] ئون بەش كۈنلۈك ئالەمدە، كۆڭلۈم ئاغرىدى ياردىن.

كۆڭۈل ئاۋۇتماق

  • كۆڭۈل ئاۋۇتماق[يەشمىسى:] خاتىرجەم قىلماق، تىنچلاندۇرماق؛ خۇشاللاندۇرماق:[مىسال:] ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى پەقەت بىرنەچچە كۈنلۈك كۆڭۈل ئاۋۇتۇشلا بولۇپ قالدى.

كۆڭۈل ئايىماق

  • كۆڭۈل ئايىماق[يەشمىسى:] مەيلىگە، رايىغا باقماق؛ خاپا قىلماسلىق، رەنجىتمەسلىك:[مىسال:] بۇ ئايالنىڭ كۆڭۈل ئاياپ ئولتۇرمايدىغانلىقىمۇ ھەممەيلەنگە ئايان.

كۆڭۈل باغلىماق

  • كۆڭۈل باغلىماق[يەشمىسى:] ياخشى كۆرمەك، ئىشتىياق باغلىماق:[مىسال:] ئۇ قىزغا قاچان كۆڭلۈم باغلىنىپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن.

كۆڭۈل بەرمەك

  • كۆڭۈل بەرمەك[يەشمىسى:] ياخشى كۆرمەك، مۇھەببەت قويماق، سۆيمەك:[مىسال:] قاتار ئۇچقان تۇرنامۇ، ئېگىز تۇرغان مۇنارمۇ. يوق-بارىغا قارىماي، كۆڭۈل بەرگەن گۇناھمۇ.

كۆڭۈل بۆلمەك

  • كۆڭۈل بۆلمەك[يەشمىسى:] غەمخورلۇق قىلماق، ئېتىبار بەرمەك، ئەھمىيەت بەرمەك، دىققەت قىلماق:[مىسال:] ئۇ ھازىر بىرنەچچە ئوغۇل-قىزلارغا ئاتا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياخشى تەربىيىسى ئۈچۈن ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە.

كۆڭۈل سانىماق

  • كۆڭۈل سانىماق[يەشمىسى:] ھۆرمىتىنى قىلماق، ئېتىبارغا ئالماق.

كۆڭۈل قويماق

  • كۆڭۈل قويماق[يەشمىسى:] ئىخلاس قىلماق، ئەستايىدىل بولماق، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرمەك؛ تىرىشماق:[مىسال:] قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە (ماقال).

كۆڭۈلنى ئالماق

  • كۆڭۈلنى ئالماق[يەشمىسى:] رازى قىلماق، مەمنۇن قىلماق؛ خۇشال قىلماق:[مىسال:] ھېيت پاكار دوستىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەرنېمە قىلىشقا تەييار ئىدى.

كۆڭۈلنى ئۇتماق

  • كۆڭۈلنى ئۇتماق[يەشمىسى:] مەيلىنى ئۆزىگە تارتماق، قولغا كىرگۈزمەك:[مىسال:] ئۇ تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ كۆڭلۈمنى ئۇتتى.

كۆڭۈل ئېيتماق

  • كۆڭۈل ئېيتماق[يەشمىسى:] تەسەللى بەرمەك:[مىسال:] يوقلاپ كەلگەن جامائەت ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئېيتتى.

كۆڭۈل ياسىماق

  • كۆڭۈل ياسىماق[يەشمىسى:] تەسەللى بەرمەك، بەزلىمەك:[مىسال:] ياسىنئاخۇن دەرھال كۆڭۈل ياسىدى.

كۆڭۈل يايرىماق

  • كۆڭۈل يايرىماق[يەشمىسى:] قاتتىق سۆيۈنمەك، ئاجايىپ خۇشال بولماق.

كۆڭۈل يېرىم

  • كۆڭۈل يېرىم[يەشمىسى:] غەمكىن، مەيۈس:[مىسال:] بۇ ئىشتىن كۆڭلۈم بەك يېرىم.

كۆڭۈلچەك

  • كۆڭۈلچەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خەقنىڭ كۆڭلىنى ئايايدىغان، خەقنىڭ رايىغا باقىدىغان.

كۆڭۈلچەكلىك

  • كۆڭۈلچەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خەقنىڭ كۆڭلىنى ئاياش، خەقنىڭ رايىغا بېقىش:[مىسال:] سېنىڭ بەرگىنىڭنى ئۇ نەدىن بىلىدۇ سېنىڭ مۇشۇنداق كۆڭۈلچەكلىكىڭ، قورقۇنچاقلىقىڭدىنمۇ ھېچ ئىشىمىز ئوڭغا تارتمايۋاتىدۇ

كۆڭۈلسىز

  • كۆڭۈلسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان، كۆڭۈلنى خۇش قىلمايدىغان:[مىسال:] كۆڭۈلسىز ۋەقە.[يەشمىسى:] ② كۆڭلى سوۋۇغان، زېرىككەن؛ سۆيگۈ-مۇھەببىتى يوق:[مىسال:] ئۇ قىزغا كۆڭۈلسىز بولۇپ قالدىم.

كۆڭۈلسىزلەنمەك

  • كۆڭۈلسىزلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆڭۈلسىز بولماق:[مىسال:] ساھىبخاندىن باشقىلارنىڭ، ھەممىسى دېگۈدەك كۆڭۈلسىزلىنىپ تاراشتى.

كۆڭۈلسىزلەندۈرمەك

  • كۆڭۈلسىزلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «كۆڭۈلسىزلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئايسىخان قانداق قىلىپ قىزىنى ئېرىدىن كۆڭۈلسىزلەندۈرۈشنى ئويلىماقتا ئىدى.

كۆڭۈلسىزلىك

  • كۆڭۈلسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كۆڭۈلسىز ھالەت:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ ھەممەيلەن كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە تارالدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىنى غەم-قايغۇغا سالىدىغان، كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىش، ۋەقە، ھادىسە:[مىسال:] تويدىن كېيىنكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى تۈگىتىش ئەزىمجان ئۈچۈن ئاسانغا چۈشمىدى.

كۆڭۈلشىمەك

  • كۆڭۈلشىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] (كۆپرەك يوقلۇق شەكىلدە كېلىدۇ) ئېتىبارغا ئالماق، ئەھمىيەت بەرمەك، قىزىقماق:[مىسال:] دەسلىپىدە كۆڭۈلشىمەيرەك قولغا ئېلىنغان بۇ ئىش ياخشى نەتىجە بەردى.

كۆڭۈللۈك

  • كۆڭۈللۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆڭۈلگە ياقىدىغان، خۇش قىلىدىغان، يېقىملىق:[مىسال:] كۆڭۈللۈك تۇرمۇش. كۆڭۈللۈك سەپەر. كۆڭۈللۈك ئىش.

كۆلⅠ

  • كۆلⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] سىرغىم سۇ يىغىلىدىغان ياكى دەريا-ئېقىنلار قۇيۇلىدىغان چوڭ تىپتىكى تەبىئىي ئويمان.

كۆلبېگى

  • كۆلبېگى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆل+بەگ+ى[[يەشمىسى:] ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدىكى يېمەك-ئىچمەك ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان كىشى.

كۆلⅡ

  • كۆلⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] گۈلدۈرماما.

كۆلەڭگە

  • كۆلەڭگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاپتاپ نۇرىدىن توسۇلغان جاي، سايە:[مىسال:] قورۇققانغا قوش كۆرۈنەر، كۆلەڭگىسى بەش كۆرۈنەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② يىراقتا، قاراڭغۇلۇقتا، تۇماندا غۇۋا كۆرۈنگەن نەرسە، قارا:[مىسال:] تامدىن ئۈچ-تۆت قەدەمچە نېرىدىكى قېرى ئۈجمە دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئىككى قارا كۆلەڭگە كۆرۈندى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ۋەھىمە، قورقۇنچ، ۋەھىمىلىك بېشارەت، شەپە:[مىسال:] ئەجەلنىڭ قارا كۆلەڭگىسى ئۇنىڭغا يىقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى.

كۆلەڭگىسىز

  • كۆلەڭگىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆلەڭگىسى يوق، كۆلەڭگە چۈشۈرمەيدىغان:[مىسال:] كۆلەڭگىسىز چىراغ.

كۆلەڭگىلىك

  • كۆلەڭگىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈن نۇرى چۈشمىگەن سايە جاي، سايە چۈشۈپ تۇرغان يەر:[مىسال:] ئاۋۇ كۆلەڭگىلىككە بېرىپ بىردەم ئارام ئالايلى.

كۆلەم

  • كۆلەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دائىرە؛ ھەجىم، مىقياس.

كۆلەملىك

  • كۆلەملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دائىرىلىك:[مىسال:] بۇلتۇر ئەتىيازدا چېرىكلەر كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىدى.

كۆلبە

  • كۆلبە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆي، خانا؛ ساتما.

كۆلچەك

  • كۆلچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇ يىغىلىپ قالغان ئويمان، ئازگال.

كۆلۈ

  • كۆلۈ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كېلەر يىلى.

كۆلۈك

  • كۆلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئادەم مىنىدىغان ياكى يۈك توشۇيدىغان ئات-ئۇلاغ قاتارلىق قاتناش قوراللىرى.

كۆلۈگەچ

  • كۆلۈگەچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] شولا.

كۆمەچ

  • كۆمەچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① چوغقا كۆمۈپ پىشۇرىدىغان نان:[مىسال:] ئۇلار ئۈچ-تۆت كۈنگىچە كۆمەچ كۆمۈپ يېدى.[يەشمىسى:] ② تونۇردا تۇرماي چۈشۈپ كەتكەن نان:[مىسال:] ئاشنى بۇزۇپ ئوماچ قىلدى، ناننى بۇزۇپ كۆمەچ قىلدى (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەنپەئەت:[مىسال:] سەن ئويلاپ باق، ھەممىمىز ئۆز كۆمۈچىمىز، ئۆز خاتىرجەملىكىمىز ئۈستىدە ئويلاپ، قۇل بولۇپ ئۆتۈپ كېتەمدۇق.

كۆمەچدان

  • كۆمەچدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆمەچ پىشۇرىدىغان تاۋا.

كۆمەكⅠ

  • كۆمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ياردەم.

كۆمەكⅡ

  • كۆمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جەمەتلىك، ئۇرۇق-تۇغقىنى كۆپ.

كۆمەل

  • كۆمەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] شۈرمەل.

كۆمتۈرتمەك

  • كۆمتۈرتمەك[يەشمىسى:] «كۆمتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كۆمتۈرمەك

  • كۆمتۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دۈم قىلماق؛ ئاستىنى ئۈستىگە، ئۈستىنى ئاستىغا قىلىپ قويماق؛ ئاغدۇرماق:[مىسال:] چېلەكنى كۆمتۈرمەك. ھارۋىنى كۆمتۈرۈۋەتمەك.

كۆمتۈرۈشمەك

  • كۆمتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «كۆمتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كۆمتۈرۈلمەك

  • كۆمتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كۆمتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ تاپتا، ئۈچ ئەۋلادنىڭ يىغا-زارىغا ئاسمان كۆمتۈرۈلۈپ يەر-زېمىننىڭ كۇكۇم-تالقان بولمىغىنىغا ئۇ ھەيران ئىدى.

كۆمدۈرمەك

  • كۆمدۈرمەك[يەشمىسى:] «كۆممەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قاسىماخۇن بالىلىرىغا ئېيتىپ ئۈزۈم تاللىرىنى كۆمدۈردى.

كۆممە

  • كۆممە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆمۈپ پىشۇرۇلغان، كۆمۈلگەن:[مىسال:] كۆممە كاۋاپ.

كۆممەك

  • كۆممەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كولانغان يەرگە جايلاپ ئۈستىنى ياپماق؛ دەپنە قىلماق:[مىسال:] سەۋزە كۆممەك. ئۆلۈك كۆممەك. * قارغا ئۆلۈك كۆمگىلى بولماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يوقاتماق، يوق قىلماق:[مىسال:] كۆمدۇق ئاخىر، قان شوراپ ئەلنى مۈكچەيتكەن جەمئىيەتنى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەددىدىن ئارتۇق تەمىنلىمەك:[مىسال:] ھەي ئالاھىدىن، مەن سېنى بايلىققا كۆمۈپ، ئۆزۈڭگىمۇ، ئاناڭغىمۇ ياردەم قىلغۇم كېلىدۇ.

كۆممىقوناق

  • كۆممىقوناق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۆممە+قوناق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مۇھىم ئاشلىقلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن يەنە كراخمال ئېلىشقىمۇ بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

كۆممىقوناقلىق

  • كۆممىقوناقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆممىقوناق تېرىلغان يەر، جاي.

كۆمۈر

  • كۆمۈر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ① قارا رەڭلىك قاتتىق مىنېرال. ئاساسلىق تەركىبى كاربون، ھىدروگېن، ئوكسىگېن ۋە ئازوت. ئادەتتە ئاساسەن يېقىلغۇ ۋە خىمىيە سانائىتىنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② كۆيۈپ قارايغان، لېكىن تېخى كۈلگە ئايلانمىغان ياغاچ قالدۇقى:[مىسال:] ئوتۇن كۆمۈرى.

كۆمۈرەڭگۈ

  • كۆمۈرەڭگۈ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياي، گۈمبەز شەكلىدىكى:[مىسال:] كۆمۈرەڭگۈ ئۆي.

كۆمۈرچەك

  • كۆمۈرچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ياكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار تېنىدىكى بىر خىل بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما.

كۆمۈرچەكلىك

  • كۆمۈرچەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆمۈرچىكى بار:[مىسال:] كۆمۈرچەكلىك بېلىق.

كۆمۈرچى

  • كۆمۈرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆمۈر قېزىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى.

كۆمۈرچىلىك

  • كۆمۈرچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆمۈر قېزىش ۋە سېتىش ئىشى.

كۆمۈرخانا

  • كۆمۈرخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆمۈر قويىدىغان ۋە ساتىدىغان جاي، ئورۇن.

كۆمۈرلەشمەك

  • كۆمۈرلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] قەدىمكى ئۆسۈملۈكلەر چۆكۈندى ماددىلار ئىچىگە كۆمۈلۈپ، مۇئەييەن بېسىم ۋە تېمپېراتۇرا قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە پەيدىنپەي ئۆزگىرىپ، كۆمۈرگە ئايلانماق.

كۆمۈرلۈك

  • كۆمۈرلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] كۆلىمى كەڭ ۋە ئېچىشقا بولىدىغان كۆمۈر قاتلىمى تارالغان بەلۋاغ.

كۆمۈرمەك

  • كۆمۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دۈم قىلماق، كۆمتۈرمەك:[مىسال:] چىنىنى كۆمۈرمەك.

كۆمۈرۈشمەك

  • كۆمۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «كۆمۈرمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كۆمۈرۈلمەك

  • كۆمۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كۆمۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆي كۆمۈرۈلۈپ چۈشتى.

كۆمۈك

  • كۆمۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆمۈلگەن، كۆمۈپ قويۇلغان:[مىسال:] نى-نى كىشىلەر كۆمۈك شۇ قەبرىلەردە، چىرىپ تۇپراق بولۇپ ياتقان شۇ يەردە.

كۆمۈكلۈك

  • كۆمۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆمۈلگەن، كۆمۈپ قويۇلغان:[مىسال:] ئۇيغۇر تېبابىتىمىزنىڭ مول بايلىقلىرى تېخى كۆمۈكلۈك ياتماقتا.

كۆمۈلمەك

  • كۆمۈلمەك[يەشمىسى:] ① «كۆممەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھەربىي ھوقۇقدارنىڭ كىيىم-كېچەك، يۈز-كۆزلىرى توپا-چاڭغا كۆمۈلگەن پېتى ئىدى.[يەشمىسى:] ② «كۆممەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەمىسە، مۇشۇ يەردە سامانغا كۆمۈلۈپ يېتىپ تۇر.

كۆن

  • كۆن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئەيلەنگەن، پىششىقلانغان تېرە؛ يەرلىك چىگرىن.

كۆنەك

  • كۆنەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھەرىلەرنىڭ ئۆزلىرى ياسىغان تۇرار جايى، ئۇۋىسى.

كۆنەلگۈ

  • كۆنەلگۈ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېتىق ئۇيۇتۇش ئۈچۈن سۈتكە ئارىلاشتۇرۇلىدىغان خۇرۇچ؛ ئېچىتقۇ.

كۆنەلگۈلۈك

  • كۆنەلگۈلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆنەلگۈ قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان قېتىق، كۆنەلگۈ.

كۆنجەك

  • كۆنجەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خالتا كۆڭلەك ياقىسىنىڭ پەسكە ساڭگىلاپ چۈشكەن قىسمى.

كۆنچى

  • كۆنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كۆن ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۇستا.[يەشمىسى:] ② بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بىر دەريانىڭ نامى.

كۆنچىلىك

  • كۆنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆن ئىشلەش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] كۆنچىلىك قىلماق.

كۆندۈ

  • كۆندۈ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئېدىر ئارىلىقىدىكى يامغۇر سۈيى ئاقىدىغان چوڭ جىلغا.

كۆندۈرمەك

  • كۆندۈرمەك[يەشمىسى:] «كۆنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ تۆتەيلەن بىر كۈن كەچكىچە ئات كۆندۈردى.

كۆندۈرۈشمەك

  • كۆندۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «كۆندۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار شەۋكەتنى قوغۇشۇن ئېرىتىش ئۆيىدە يەنە بىر مەزگىل ئىشلەشكە كۆندۈرۈشتى.

كۆندۈرۈلمەك

  • كۆندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كۆندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئاخىرى ئات كۆندۈرۈلدى.

كۆندۈك

  • كۆندۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سېغىزدىن ياسالغان ساندۇق.

كۆندىلەڭ

  • كۆندىلەڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توغرىسىغا قويۇلغان، توغرىسىغا قىلىنغان:[مىسال:] كۆندىلەڭ قىلماق. * بىرقانچە ئاتلىقلار مىلتىقلىرىنى ئېگەرنىڭ قېشىغا كۆندىلەڭ قويۇپ قاراپ تۇراتتى.

كۆنمەك

  • كۆنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① رازى بولماق، ئۇنىماق:[مىسال:] ئۇ ئاخىر قولۇم-قوشنىلارنىڭ مەسلىھەتىگە كۆندى.[يەشمىسى:] ② قانائەت قىلماق، شۈكۈر قىلماق:[مىسال:] بارىغا كۆنمەك.[يەشمىسى:] ③ ئۆگىنىپ قالماق، ئادەتلەنمەك:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ، بالا ئادەم زات ئىچىگە كۆنۈپ، تەڭتۇش بالىلار بىلەن ئوينايدىغان بوپتۇ.

كۆنۈشمەك

  • كۆنۈشمەك[يەشمىسى:] «كۆنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىچارىلەر يايىلارنىڭ بۇ پەرمانىغا نائىلاج كۆنۈشتى.

كۆنۈك

  • كۆنۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆنگەن، كۆندۈرۈلگەن:[مىسال:] بىز بۇنداق ئىشلارغا كۆنۈك. * مەن بۇنىڭغا خېلى كۆنۈك.

كۆنۈكتۈرمەك

  • كۆنۈكتۈرمەك[يەشمىسى:] «كۆنۈكمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كۆنۈكمە

  • كۆنۈكمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] دەرسلىكتىكى ئۆتۈلگەن دەرسنى پىششىقلاش مەقسىتىدە ھەربىر دەرس ئاخىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەشىق تېمىلىرى؛ تاپشۇرۇق.

كۆنۈكمەك

  • كۆنۈكمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆنمەك:[مىسال:] رىزىۋانگۈل جەڭ مەيدانىدىكى مۇشەققەتلەرگە چاپسان كۆنۈكۈپ، ئۇ يەردىكى كىشىلەر بىلەن بىر تۇغقاندەك بولۇپ كەتتى.

كۆنۈكۈشمەك

  • كۆنۈكۈشمەك[يەشمىسى:] «كۆنۈكمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كۆۋە

  • كۆۋە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۆرپە.

كۆۋەجىمەك

  • كۆۋەجىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆپۈك چىقارماق، بۇژغۇن ھالەتكە كەلمەك، كۆپۈكلەشمەك:[مىسال:] ئۇ باھار سۈيى كۆۋەجەپ ئېقىۋاتقان ئېرىقنى بويلاپ مېڭىپ، قۇمئېرىق ئەترىتى تەۋەسىگە ئۆتتى.

كۆۋرۈك

  • كۆۋرۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ئېرىق، ئۆستەڭ، دەريا ۋە جىرا قاتارلىقلاردىن قاتناش قوراللىرى ۋە ئادەملەرنىڭ ئۆتۈشى ئۈچۈن ياسالغان قۇرۇلما.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۇتاشتۇرۇش، ئۆتۈشتۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان ئادەم ياكى شەيئى، باغلاپ تۇرغان نەرسە؛ ئالاقە، باغلىنىش؛ ۋاسىتە.

كۆۋرۈكچە

  • كۆۋرۈكچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك كۆۋرۈك:[مىسال:] كۆۋرۈكچە مېڭە.

كۆۋرۈكلۈك

  • كۆۋرۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كۆۋرۈك سېلىشقا يېتىدىغان، يارايدىغان:[مىسال:] بىر كۆۋرۈكلۈك ياغاچ-تاش تەييارلاپ قويۇلغانىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ۋاسىتىلىك:[مىسال:] كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىماق.

كۆۋرىمەك

  • كۆۋرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۆز-ئۆزىدىن ئېچىپ كۆپمەك، ئۆرلىمەك.

كۆۋىلىگۈچ

  • كۆۋىلىگۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئات، ئېشەك، قېچىر قاتارلىقلار ئېغىنايدىغان يەر.

كۆيە

  • كۆيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ياغاچ كۆمۈر، ياغاچ كۆيۈندىسى.

كۆيدۈرگە

  • كۆيدۈرگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل. ئات، كالا، قويغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئادەملەرگە يۇقىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش، باشقىلارنىڭ ئەجرى، ئەمگىكى ياكى خىزمىتى قاتارلىقلارنى كۆيدۈرۈش، يوققا چىقىرىش قىلمىشلىرىغا ئادەتلەنگەن كىشى.

كۆيدۈرگۈچى

  • كۆيدۈرگۈچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] كۆيدۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان، كۆيدۈرىدىغان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ⅩⅧ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ماددىلارنىڭ كۆيۈشى توغرىسىدىكى خاتا تەلىمات.

كۆيدۈرگۈلۈك

  • كۆيدۈرگۈلۈك[يەشمىسى:] باشقىلارغا زىيان سالىدىغان قەبىھ ئىش-ھەرىكەت:[مىسال:] كۆيدۈرگۈلۈك قىلغان بولسام مۇبادا، كەچۈرمەستىن ئۇرغىن ئانا ئاغزىمغا.

كۆيدۈرمەك

  • كۆيدۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «كۆيمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ياغاچ كۆيدۈرمەك. قەغەز كۆيدۈرمەك. * كۆيدۈرسىمۇ كۈن ياخشى (ماقال).

كۆيدۈرۈلمەك

  • كۆيدۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كۆيدۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] پۈتۈن كىتاب، قول يازمىلىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ كېيىن كۆيدۈرۈلدى.

كۆيۈپ-پىشىپ

  • كۆيۈپ-پىشىپ[يەشمىسى:] ① غېمىنى يەپ:[مىسال:] ئۇ پۇقرا ئۈچۈن كۆيۈپ-پىشىپ ئىشلەۋاتسا بىز ئۇنى ئازراق ئويلاپ قويمىساق بولامدۇ[يەشمىسى:] ② ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ، بارلىقىنى بېغىشلاپ:[مىسال:] ئۇ سىزنىڭ دەردىڭىزدە كۆيۈپ-پىشىپ يۈرگىلى نەۋاخ

كۆيمەك

  • كۆيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئوت ئالماق، يانماق:[مىسال:] گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن (ماقال). * ئوتنى كىم تۇتسا، شۇنىڭ قولى كۆيەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② ھەددىدىن زىيادە ئىسسىپ كەتمەك:[مىسال:] پاھ، ئەجەب بىر كۈن بولدىغۇ، ئادەم كۆيۈپ كەتتىغۇ[يەشمىسى:] ③ قاتتىق قىزىپ ئىشتىن چىقماق، ئېرىپ كەتمەك (ئېلېكتر سايمانلىرى ھەققىدە):[مىسال:] لامپۇچكا كۆيۈپ كەتتى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرمەك:[مىسال:] كۆيگەن جۇۋانغا ئات-تېزىكى ئاي كۆرۈنەر (ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] غەمخورلۇق قىلماق، كۆيۈنمەك:[مىسال:] مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا (ماقال).[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زىيانكەشلىككە ئۇچرىماق:[مىسال:] مەن مۇشۇ ئىشتا ناھەق كۆيۈپ كەتتىم.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زايە كەتمەك، زىيان بولماق:[مىسال:] ئەرزىمەس بىر ئىش ئۈچۈن ئون كوي كۆيۈپ كەتتى.

كۆيۈش

  • كۆيۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ماددىنىڭ تېز ئوكسىدلىنىپ يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىشى. كۆيۈشچان ماددىلارنىڭ ھاۋادىكى ئوكسېگىن بىلەن تېز بىرىكىشى كۆپ ئۇچرايدىغان كۆيۈش ھادىسىسىدۇر:[مىسال:] كۆيۈش نۇقتىسى.

كۆيۈشچان

  • كۆيۈشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھاۋادىكى ئوكسىگېن بىلەن تېز بىرىكىدىغان، تېز ئوكسىدلىنىدىغان، تېز كۆيىدىغان، كۆيۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە:[مىسال:] كۆيۈشچان ماددا.

كۆيۈشچانلىق

  • كۆيۈشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] كۆيۈشچان ماددىلارنىڭ ھاۋادىكى ئوكسىگېن بىلەن تېز بىرىكىش خۇسۇسىيىتى.

كۆيۈشمەك

  • كۆيۈشمەك[يەشمىسى:] «كۆيمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] رىشىت بىلەن بەختىگۈل خېلىدىن بۇيان بىر-بىرىگە كۆيۈشۈپ يۈرۈشەتتى.

كۆيۈك

  • كۆيۈك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆيگەن، بىرەر يېرى كۆيۈپ كەتكەن ياكى ئوتتا پۇچىلانغان:[مىسال:] ئۇلار باينىڭ زۇلمى بىلەن تاتىرىپ، كۆيۈك نان تاپسا غاجىشىپ، بىللە مۇڭدىشىپ قوشۇلۇشقانلار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆيگەن نەرسىلەرنىڭ قالدۇقى:[مىسال:] ئوتۇننىڭ كۆيۈكى. ناننىڭ كۆيۈكى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] ئوت، كۈچلۈك كىسلاتا، كۈچلۈك ئاساس، ئېكس نۇرى ۋە ئاتوم ئېنېرگىيە نۇرى قاتارلىقلارنىڭ بەدەن بىلەن ئۇچرىشىپ، توقۇلمىلارنى بۇزۇۋېتىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان جاراھەت، يارا.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆيدۈرىدىغان، قىزىق، تەپتى كۈچلۈك:[مىسال:] كۆيۈك ئاپتاپ.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر كىشى ياكى ۋەتەنگە بولغان كۈچلۈك ئىشقى-پىراق، ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈش، مەھلىيا بولۇش؛ مۇھەببەت، مەپتۇنلۇق:[مىسال:] كۆيۈك ئوتى.

كۆيۈكلۈك

  • كۆيۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆيگەن، كۆيۈۋاتقان:[مىسال:] كۆيۈكلۈك ئوتۇن.

كۆيۈكۈش

  • كۆيۈكۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئىچ-ئىچىدىن كۆيۈنۈپ يىغلاش.

كۆيۈم

  • كۆيۈم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆيۈنۈش:[مىسال:] كۆيۈمى يوق تۇغقاندىن يات ياخشى، ئىسسىقى يوق كاڭدىن كات ياخشى (ماقال).

كۆيۈمچان

  • كۆيۈمچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆيۈمى بار، كۆيىنىدىغان، كۆيىدىغان:[مىسال:] كۆيۈمچان بالا.

كۆيۈمچانلىق

  • كۆيۈمچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق.

كۆيۈمسىز

  • كۆيۈمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆيۈمى يوق، كۆيۈنمەيدىغان:[مىسال:] سەن كۆيۈمسىز ئېشەك، يوقال كۆزۈمدىن، ۋارقىرىدى بوۋاي ئەركىنگە ئاچچىقلىنىپ.

كۆيۈمسىزلىك

  • كۆيۈمسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆيۈمى، مۇھەببىتى يوقلۇق، مېھرىبانسىزلىق.

كۆيۈملۈك

  • كۆيۈملۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆيۈمى بار، كۆيىنىدىغان، كۆيۈمچان:[مىسال:] كۆيۈملۈك ئادەم.

كۆيۈندى

  • كۆيۈندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چالا كۆيگەن نەرسە:[مىسال:] پىژىلداپ چىقىۋاتقان كۆيۈندى ئىسى ئەتراپقا تارقىلىشقا باشلىدى.

كۆيۈنمەك

  • كۆيۈنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆڭۈل بۆلمەك، غەمخورلۇق قىلماق، جان كۆيدۈرمەك:[مىسال:] ئۇ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كېسىلىنى كۆيۈنۈپ داۋالاپ، شۇ يەردىكى خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.

كۆيۈنۈشمەك

  • كۆيۈنۈشمەك[يەشمىسى:] «كۆيۈنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كۈپ

  • كۈپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇق قاچىلىنىدىغان چوڭ ساپال ئىدىش:[مىسال:] كۈپكە سۇ توشتۇرماق.

كۈپسەن

  • كۈپسەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چوڭ، يوغان كۈپ.

كۈتكۈچى

  • كۈتكۈچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ۋە مېھمانخانىلاردا مەخسۇس مېھمان كۈتىدىغان كىشى:[مىسال:] چاي قۇيۇۋاتقان كۈتكۈچى ئۇنى دەرھال يۆلىۋالمىغان بولسا، ئۇ يىقىلىپ چۈشكەن بولاتتى. ∥ ياتاققا قولىغا قېلىن بىر دەپتەرنى تۇتۇۋالغان كۈتكۈچى خادىم كىرىپ كەلدى.

كۈتكۈچىلىك

  • كۈتكۈچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېھمان كۈتۈش ئىشى:[مىسال:] بۇ كىشىنىڭ بايا بىزگە ئېيتىشىچە، دىلبەرنى شۇ مېھمانخانىنىڭ كۈتكۈچىلىكىگە قوبۇل قىلماقچىكەن.

كۈتكۈزمەك

  • كۈتكۈزمەك[يەشمىسى:] «كۈتمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئادەمنى شۇنچىمۇ كۈتكۈزەمسىز شۇ تاپتا نەدىن كېلىۋاتىسىز دەپ سورىدى ئۇ.

كۈتمەك

  • كۈتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۆزدە تۇتقان نەرسىسى، يېقىنى، مېھمىنى ياكى ئەزىز كىشىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى، كېلىشىنى ساقلىماق؛ يولىغا قارىماق:[مىسال:] بىر سائەتكە يېقىن كۈتكەن بولساممۇ، باش كاتىپ قايتىپ چىقمىدى.[يەشمىسى:] ② ئاتا-ئانا ياكى بىرەر بىمار، مېھماننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماق؛ باقماق:[مىسال:] تۆمۈر خەلپە بۇ مېھمانلارنى ئوبدان كۈتۈشنى شاكىرغا تاپشۇردى.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى، ئەمەلگە ئېشىشىنى ئارزۇ قىلماق:[مىسال:] مەن پەقەت قىزنىڭ گەپنى ئازراق قىلىپ، قانداق بولمىسۇن چاچنى تېزرەك ئېلىپ بولۇشىنى كۈتەتتىم.[يەشمىسى:] ④ ئالدىغا چىقماق، قارشى ئالماق:[مىسال:] ئىدارە باشلىقلىرى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئايرودرومغا چىقتى.

كۈتۈشمەك

  • كۈتۈشمەك[يەشمىسى:] «كۈتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] پۇقرالار بوراننىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى كۈتۈشۈپتۇ.

كۈتۈك

  • كۈتۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مالنى مال توپىغا قوشۇش ئۈچۈن ئالدىن تۆلىنىدىغان بېقىش ھەققى.

كۈتۈلمەك

  • كۈتۈلمەك[يەشمىسى:] «كۈتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مېھمانلار ئالاھىدە نېمەتلەر بىلەن كۈتۈلدى.

كۈتۈلمىگەن

  • كۈتۈلمىگەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئارزۇ قىلمىغان؛ ئۇشتۇمتۇت، تاسادىپىي، ئويلىمىغان:[مىسال:] كۈتۈلمىگەن ئامەت. كۈتۈلمىگەن ئىش.

كۈتۈلمىگەندە

  • كۈتۈلمىگەندە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۇشتۇمتۇتلا، تاسادىپىيلا، ئويلىمىغاندا:[مىسال:] كۈتۈلمىگەندە ئۆيگە ۋاھاپ كىرىپ كەلدى.

كۈتۈم

  • كۈتۈم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈتۈش:[مىسال:] كۈتۈمى ياخشى.

كۈتۈمسىز

  • كۈتۈمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياخشى كۈتۈلمىگەن، بېقىلمىغان:[مىسال:] بۇ بوۋاي قېرىغاندا كۈتۈمسىز قالدى.

كۈتۈنمەك

  • كۈتۈنمەك[يەشمىسى:] «كۈتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] دوختۇر ئۇنىڭغا:[مىسال:] قۇۋۋەتلىك تائاملار بىلەن ياخشى كۈتۈنۈڭ، دەپ مەسلىھەت بەردى.

كۈجە

  • كۈجە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغاچ كېپىكىگە خۇش پۇراق ماددىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ياسالغان چوكا شەكىللىك بۇيۇم. كۆيدۈرگەندە ئەتراپقا بىر خىل خۇش پۇراق تارقايدۇ.

كۈجىدان

  • كۈجىدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈجە قادايدىغان نەرسە.

كۈچ

  • كۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەم ۋە ھايۋانلار ئۆز مۇسكۇللىرىنى ئىشلىتىپ ھاسىل قىلغان جىسمانىي ئېنېرگىيە، قۇۋۋەت:[مىسال:] كۈچتىن قالماق. بىلىكىنىڭ كۈچى يوق.[يەشمىسى:] ② مېھنەت قىلىش، يارىتىش، بارلىققا كەلتۈرۈش قابىلىيىتى، ئەمگەك:[مىسال:] ئادەم كۈچى. ماددىي كۈچ. كۈچىنى ساتماق.[يەشمىسى:] ③ مەنىۋى، ئەقلىي ۋە روھىي قۇۋۋەت:[مىسال:] ئەقلىي كۈچ. * ئاجايىپ كۈچ سەرپ قىلغاندىلا، ئاندىن ئاجايىپ ئەسەر بارلىققا كېلىدۇ.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىسىمنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى ئۆزگەرتىدىغان تەسىر (ئۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىك، يۆنىلىش ۋە تەسىر نۇقتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلى بولىدۇ):[مىسال:] مەركەزدىن قاچما كۈچ. تارتىش كۈچى.[يەشمىسى:] ⑤ ئېنېرگىيە، قۇۋۋەت:[مىسال:] شامال كۈچى. توك كۈچى. سۇ كۈچى.[يەشمىسى:] ⑥ تەسىر قىلىش دەرىجىسى؛ رول، ئۈنۈم، تەسىر:[مىسال:] دورىنىڭ كۈچى. پۇلنىڭ كۈچى.[يەشمىسى:] ⑦ بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋېلىش ئىمكانىيىتى، شەرت-شارائىت، قۇدرەت، قۇرب:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشقا كۈچى يېتەتتى.[يەشمىسى:] ⑧ بىرەر ساھەدە، ئومۇمەن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرەر تارمىقىدا ئىشلىگۈچى كىشىلەر:[مىسال:] ئەمگەك كۈچى. ئىلغار كۈچ. يوشۇرۇن كۈچ.[يەشمىسى:] ⑨ ھەربىي قوشۇلمىلار؛ قوشۇن:[مىسال:] قوراللىق كۈچ.[يەشمىسى:] 01 جەمئىيەتنىڭ بىرەر بەلگە، خۇسۇسىيەت، دۇنيا قاراش ۋە شۇ قاتارلىقلار بىلەن پەرقلەنگۈچى قىسمى:[مىسال:] ئىنقىلابىي كۈچ.[يەشمىسى:] 11 قارار، قانۇن ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ قوللىنىش ئۈنۈمى، ئىجراسى:[مىسال:] قانۇن كۈچكە ئىگە بولدى. * ھۆكۈم كۈچىدىن قالدى.

كۈچەشمەك

  • كۈچەشمەك[يەشمىسى:] «كۈچىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ئىشقا ئۇنچىلىك كۈچىشىپ كەتمىسەڭلارمۇ بولىدۇ.

كۈچەنمەك

  • كۈچەنمەك[يەشمىسى:] «كۈچىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئانچە كۈچەنمەستىنلا قورام تاشلارنى كۆتۈرەتتى.

كۈچەيتمەك

  • كۈچەيتمەك[يەشمىسى:] «كۈچەيمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يار-بۇرادەرلىرى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ، يۈرىكىدىكى سېغىنىش تېخىمۇ كۈچەيتتى.

كۈچەيتكۈچ

  • كۈچەيتكۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] كىرگەن سىگنالنىڭ ئېلېكتر بېسىمى ياكى قۇۋۋىتىنى كۈچەيتكۈچى رادىئو قۇرۇلمىسى.

كۈچەيتىلمەك

  • كۈچەيتىلمەك[يەشمىسى:] «كۈچەيتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كان رەھبەرلىكى كۈچەيتىلىپ، ئىشچىلارنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى ئوبدان ئىشلەندى.

كۈچەيمەك

  • كۈچەيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەسىر دائىرىسى كېڭەيمەك، كۈچلۈك بولماق، ئەۋج ئالماق، زورايماق:[مىسال:] بوران كۈچەيدى. * يامغۇر بارغانچە كۈچىيىپ كەتتى. * قىزنىڭ يىغىسى كۈچەيدى.

كۈچتۈڭگۈر

  • كۈچتۈڭگۈر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىسمانىي كۈچى ئارتۇق، قاۋۇل، ناھايىتى كۈچلۈك:[مىسال:] ھوشۇر ئاكا دوغىلاق كەلگەن كۈچتۈڭگۈر ئادەم ئىدى.

كۈچتۈڭگۈرلۈك

  • كۈچتۈڭگۈرلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈچلۈك ھالەت، كۈچلۈكلۈك:[مىسال:] ئالقىش ۋەزىر خوجا بەختىنىڭ بۇ كۈچتۈڭگۈرلۈكىگە ھەيران قاپتۇ.

كۈچسىز

  • كۈچسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋىتى، باشقىلارغا نىسبەتەن ئاز؛ زەئىپ، ماغدۇرى كەم:[مىسال:] كۈچسىز ئادەم. * ئانا كۈچسىز پۇتلىرىنى ئاران يۆتكەپ كېتىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ۋە سۇ قاتارلىق ماددىلار كەم بولغان؛ ئۈنۈمسىز:[مىسال:] كۈچسىز يەر. كۈچسىز تۇپراق.

كۈچسىزلەندۈرمەك

  • كۈچسىزلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «كۈچسىزلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كۈچسىزلەندۈرۈلمەك

  • كۈچسىزلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كۈچسىزلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كۈچسىزلەنمەك

  • كۈچسىزلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۈچسىز ھالەتكە كەلمەك، كۈچ-قۇۋۋىتى ئادەتتىكىدىن ئازايماق، ئاجىزلاشماق:[مىسال:] ئۇ ئاغرىق ئازابىدىن كۈندىن-كۈنگە ھالىدىن كېتىپ كۈچسىزلەندى.

كۈچسىزلىك

  • كۈچسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈچسىز ھالەت:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچسىزلىكىدىن ئېچىناتتى.

كۈچ-غەيرەت

  • كۈچ-غەيرەت[يەشمىسى:] كۈچ ۋە غەيرەت، كۈچ-قۇدرەت، كۈچ-قۇۋۋەت:[مىسال:] ياشلار قېرىلارغا قارىغاندا كۈچ-غەيرەتكە تولغان بولىدۇ.

كۈچ-قۇدرەت

  • كۈچ-قۇدرەت[يەشمىسى:] كۈچ ۋە قۇدرەت:[مىسال:] مەن پۈتۈن كۈچ-قۇدرىتىمنى سەرپ قىلىپ ئون يىل ئىشلىدىم.

كۈچ-قۇۋۋەت

  • كۈچ-قۇۋۋەت[يەشمىسى:] كۈچ ۋە قۇۋۋەت:[مىسال:] كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بار چاغدا بىزمۇ ناخشا ئېيتقان، ئۇ چاغلاردا نەۋقىران يىگىت ئىدۇق، دېدى باقى تونۇردىكى ئوتنى كوچىلاپ.

كۈچلەندۈرمەك

  • كۈچلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «كۈچلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەركىن دوختۇر كەلگۈچە چىقىۋاتقان قاننى توختىتىپ، يۈرەكنى كۈچلەندۈرىدىغان ئوكۇل سېلىپ تۇرغانىدى.

كۈچلەندۈرۈلمەك

  • كۈچلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كۈچلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بىر قىسىم ئاجىز يەرلەر ئوغۇت بىلەن كۈچلەندۈرۈلدى.

كۈچلەنمەك

  • كۈچلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۈچ-قۇۋۋىتى ئاشماق، كۈچلۈك ھالەتكە كەلمەك، كۈچكە تولماق، كۈچەيمەك:[مىسال:] ئۇ بارا-بارا كۈچلىنىپ، بىرقانچە ۋىلايەت، ناھىيىلەرگە ھۆكۈمران بولۇپ قالدى.

كۈچلۈك

  • كۈچلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋىتى باشقىلارغا نىسبەتەن ئارتۇق؛ كۈچى كۆپ، زور:[مىسال:] كۈچلۈك ئادەم. پىل كۈچلۈك ھايۋان.[يەشمىسى:] ② ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۈستۈن قۇدرەتلىك:[مىسال:] كۈچلۈك دۆلەت. كۈچلۈك ئارمىيە.[يەشمىسى:] ③ تەسىر قىلىش كۈچى يۇقىرى، تېز تەسىر قىلىدىغان، ئوزۇقلۇق ئۈنۈمى يۇقىرى:[مىسال:] كۈچلۈك تاماق. كۈچلۈك دورا.[يەشمىسى:] ④ چىقىش، پەيدا بولۇش دەرىجىسى يۇقىرى، قاتتىق، شىددەتلىك:[مىسال:] كۈچلۈك شامال. كۈچلۈك بوران. كۈچلۈك دولقۇن. كۈچلۈك ئاۋاز.[يەشمىسى:] ⑤ تەركىبىدە ئوغۇت مىقدارى كۆپ، كۆپ ھوسۇل بېرىدىغان، ھوسۇللۇق:[مىسال:] كۈچلۈك يەر.[يەشمىسى:] ⑥ مۇستەھكەم، قاتتىق:[مىسال:] مەھبۇسلار كۈچلۈك نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانىدى.[يەشمىسى:] ⑦ قويۇق، چوڭقۇر:[مىسال:] ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى كۈچلۈك. * لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى كۈچلۈك دەۋر روھىغا ئىگە.[يەشمىسى:] ⑧ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان:[مىسال:] كۈچلۈك ئىلھام. * ئۇ شېئىرلىرىدا كۈچلۈك ھېسسىياتى بىلەن ۋەتەننىڭ تاغ-دەريالىرىنى مەدھىيىلىگەن.[يەشمىسى:] ⑨ نۇرغۇن، كۆپ؛ زور، قاتتىق:[مىسال:] ھەممە نەرسە كۈچلۈك غەزەپكە كەلگەندەك كۆرۈنمەكتە ئىدى.[يەشمىسى:] 01 كەڭ كۆلەملىك، داغدۇغىلىق:[مىسال:] ۋىلايەت بويىچە كۆكەرتىش توغرىسىدا تۈرلۈك شەكىللەردە كۈچلۈك تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلدى.

كۈچلۈكلۈك

  • كۈچلۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈچلۈك ھالەت:[مىسال:] بەزىلەر ئۇنىڭ بەستىگە قاراپ ئۇنىڭ باتۇرلۇقىنى، كۈچلۈكلۈكىنى ماختىشاتتى.

كۈچلىنىشمەك

  • كۈچلىنىشمەك[يەشمىسى:] «كۈچلەنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كۈچ-مادار

  • كۈچ-مادار[يەشمىسى:] كۈچ ۋە مادار:[مىسال:] قېنى، ئۇنىڭ قولىدىكى ھاسىسىنى ھاۋادا كۈچ بىلەن پىرقىرىتىۋاتقان كۈچ-مادارى

كۈچۈك

  • كۈچۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىت، بۆرە، تۈلكە، چوشقا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ بالىسى:[مىسال:] ئىتنىڭ كۈچۈكى. بۆرە كۈچۈكى.

كۈچۈكلەنمەك

  • كۈچۈكلەنمەك[يەشمىسى:] ① ئەركىلىمەك (ئىت ھەققىدە):[مىسال:] يوغان قارا ئىت ئەركىننى كۆرۈپلا قۇيرۇقلىرىنى شىپپاڭشىتىپ كۈچۈكلەندى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خۇشامەت قىلماق:[مىسال:] خەققە نېمانچە كۈچۈكلىنىپ كېتىسەن ئەخمەق ئۇنىڭ بۇ يەرگە ئەتەي كېلىشى بىكار ئەمەس.

كۈچۈكلىمەك

  • كۈچۈكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۇغماق (ئىت، بۆرە، تۈلكە، چوشقا قاتارلىق ھايۋانلار ھەققىدە):[مىسال:] سۇغۇر ھەر يىلى 6-ئايدا ئىككىدىن ئالتىگىچە كۈچۈكلەيدۇ.

كۈچىمەك

  • كۈچىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۈچنىڭ بارىنى سەرپ قىلماق، چىقارماق:[مىسال:] ئاتلار تۇمشۇقىنى تىرىگەن ھالدا، ھارۋىنى كۈچەپ تارتىپ داۋاندىن ئاشتى.[يەشمىسى:] ② ئەردىمەك:[مىسال:] ئۇنداق چىدىمىغان كىشى باشتا تولا كۈچەپ كەتمىسە بولمامدۇ

كۈچىنىشلىك

  • كۈچىنىشلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈچىنىشكە ئىگە، كۈچىنەلەيدىغان:[مىسال:] ئەڭ تۆۋەن كۈچىنىشلىك توك بولغاندىلا ئېلېكتر لامپۇچكىسىدىكى ئاق ئالتۇن سىم يورۇقلۇق چىقىرالايدۇ.

كۈدە

  • كۈدە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئىنچىكە، ئۇزۇن ھەم ياپىلاق، گۈلى ئاق. ئادەتتىكى كۆكتاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

كۈدە-كۆرپە

  • كۈدە-كۆرپە[يەشمىسى:] نەرسە-كېرەك:[مىسال:] سەن ئەتە ئەتىگەندىلا كۈدە-كۆرپەڭنى ئېلىپ ئۆيگە قايت، دېدى ئەركىن.

كۈدىلىك

  • كۈدىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈدە تېرىلغان جاي، ئېتىز.

كۈرەⅠ

  • كۈرەⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاشلىق ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب. ياغاچ ياكى قومۇشتىن سۈكەن شەكلىدە ياسىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ئون شىڭغا تەڭ ھەجىم ئۆلچەم بىرلىكى:[مىسال:] بەش كۈرە ئاشلىق. 100 كۈرە بۇغداي.

كۈرەⅡ

  • كۈرەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھويلا، قورۇ.[يەشمىسى:] ② قورغاس ۋە دۆربىلجىن ناھىيىلىرىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

كۈرەش

  • كۈرەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① زىددىيەتنىڭ قارىمۇقارشى تەرەپلىرى ياكى زىددىيەتلىك ئىككى تەرەپ، شۇنىڭدەك قارىمۇقارشى ئىجتىمائىي گۇرۇھلار، قارىمۇقارشى ئېقىملار، دۇنيا قاراشلار ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقنى، ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئۆزئارا توقۇنۇشۇشى، ئېلىشىشى:[مىسال:] زىددىيەت تەرەپلىرىنىڭ كۈرىشى. سىنىپىي كۈرەش.[يەشمىسى:] ② دۈشمەنلەشكەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش؛ جەڭ:[مىسال:] قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارماق.[يەشمىسى:] ③ داۋلى سۆزلەش، پاش قىلىش، ئەيىبلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دۈشمەن ئۇنسۇر ياكى بۇزۇق ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش مەزمۇن قىلىنغان ئاممىۋى ھەرىكەت:[مىسال:] كۈرەش قىلىش يىغىنى ئاچماق.[يەشمىسى:] ④ بىرەر نەرسىگە ئېرىشىش، بىرەر مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قارىتىلغان پائالىيەت، ھەرىكەت:[مىسال:] دېھقانلار بېيىش يولىدا جاپالىق كۈرەش قىلماقتا.

كۈرەشچان

  • كۈرەشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈرەش قىلىش روھىغا ئىگە، كۈرەش قىلىشقا ماھىر:[مىسال:] كۈرەشچان ئەۋلاد. كۈرەشچان خەلق. كۈرەشچان يىللار.

كۈرەشچانلىق

  • كۈرەشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈرەش قىلىش روھى، ئىرادىسى ياكى قابىلىيىتى:[مىسال:] ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ كۈرەشچانلىقى ۋە ئىناق-ئىتتىپاقلىقى بىلەن تارىختا بىرقانچە سۇلالىلەرنى ياراتقان خەلق.

كۈرەشچى

  • كۈرەشچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز مەقسىتى، غايىسى يولىدا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىدىغان، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغۇچى كۈچلەرنى يېڭىش ئۈچۈن ئېلىشىشقا ھەتتا دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان شەخس.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس لايىھىلەنگەن ياكى ئىشلىتىلىدىغان؛ جەڭ، كۈرەش قىلىدىغان:[مىسال:] كۈرەشچى ئايروپىلان.

كۈرەشسىز

  • كۈرەشسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كۈرەش قىلماي، كۈرەش قىلماي تۇرۇپ:[مىسال:] ئارزۇ قىلغان پارلاق كېلەچەككە كۈرەشسىز يەتكىلى بولمايدۇ.

كۈرەشمەك

  • كۈرەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر نىشانغا، مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماق، كۈرەش قىلماق:[مىسال:] بەخت ئۈچۈن كۈرەشمەك.

كۈرەكⅠ

  • كۈرەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇغداي سورۇش ۋە قار تازىلاش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئۇزۇن ساپلىق ياغاچ گۈرجەك.

كۈرەكⅡ

  • كۈرەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆت ياشلىق ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقان تۆگىلەرنىڭ ئېزىق چىشى.

كۈرەڭ

  • كۈرەڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پور رەڭ، قوڭۇر:[مىسال:] ئەترەت باشلىقى ئاتتىن چۈشۈپ كۈرەڭ قاشقىنى ھارۋىنىڭ شوتىسىغا باغلىدى.

كۈرەلمەك

  • كۈرەلمەك[يەشمىسى:] «كۈرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قارلار كۈرىلىپ قورۇ پاك-پاكىز تازىلانغانىدى.

كۈرپە

  • كۈرپە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياۋا چوشقىنىڭ ياتىدىغان جايى.

كۈرسۈك

  • كۈرسۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قانجۇقنىڭ جۈپلىشىشنى تەلەپ قىلىدىغان مەزگىلدىكى ھالىتى:[مىسال:] كۈرسۈككە كىرمەك. ∥ كۈرسۈك ئىت.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] بۇزۇق ئاياللارنى تىللاش، ھاقارەتلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

كۈرسۈمەك

  • كۈرسۈمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۈرسۈك بولماق، كۈرسۈككە كىرمەك.

كۈركە

  • كۈركە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قىرغاۋۇللار ئائىلىسىگە تەۋە توخۇسىمان چوڭ ئۆي قۇشى.

كۈركۈم

  • كۈركۈم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تۈگۈنەك يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ. قاننى جانلاندۇرۇش، تىت-تىتلىقنى داۋالاش، ھەيزنى تەڭشەش رولى بار.

كۈرمەك

  • كۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. دېنىدىن ھاراق ئېچىتىش ۋە يەم-خەشەك ئىشلەشتە پايدىلانغىلى بولىدۇ. ئۇ يەنە بەزىدە بىر خىل زىرائەت ئورنىدا ئۆستۈرۈلىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ دېنى.

كۈرمىڭ

  • كۈرمىڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھايىتى جىق، نۇرغۇن؛ سانسىز:[مىسال:] ئادەم دەمسەن ئۇ يەردە ئادەم دېگەن كۈرمىڭ.

كۈرۈكⅠ

  • كۈرۈكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېكىياننىڭ تۇخۇم تۇغۇشتىن توختاپ چۈجە چىقىرىدىغان مەزگىلدىكى ھالىتى. بۇ ۋاقىتتا مېكىيان تۈكلىرىنى ھۈرپەيتىپ «كۈرۈك-كۈرۈك» دەپ يۈرىدۇ.

كۈرۈكⅡ

  • كۈرۈكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چاتقال ئائىلىسىدىكى يۇلغۇنغا ئوخشايدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك.

كۈرۈكى تۇتماق

  • كۈرۈكى تۇتماق[يەشمىسى:] ئادەتلەنگەن نەرسىنى ياكى ئىشىنى سېغىنماق؛ خۇيلانماق:[مىسال:] بىلمىدىم، نېمىشقىكىن، بىردەمدە كۈرۈكى تۇتۇپ قالدى.

كۈرۈكى يېشىلمەك

  • كۈرۈكى يېشىلمەك[يەشمىسى:] خۇيى يانماق، ئاچچىقى قايتماق:[مىسال:] ئىككى قەدىناسنىڭ ئېچىلىپ-يېيىلىپ كۆڭلى-كۆكسىدىكى گەپلەرنى سۆزلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ كۈرۈكۈم يېشىلىپ قالدى.

كۈرىلەتمەك

  • كۈرىلەتمەك[يەشمىسى:] «كۈرىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كۈرىلەشمەك

  • كۈرىلەشمەك[يەشمىسى:] «كۈرىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كۈرىلەنمەك

  • كۈرىلەنمەك[يەشمىسى:] «كۈرىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كۈرىلىمەك

  • كۈرىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۈرە بىلەن ئۆلچىمەك:[مىسال:] ئۇ بۇغداينى كۈرىلەپ بولۇپ ئاندىن ئۆيگە قايتتى.

كۈرىمەك

  • كۈرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۈرەك بىلەن ئالماق، ئۇسماق:[مىسال:] قار كۈرىمەك. بۇغداي كۈرىمەك.

كۈز

  • كۈز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆت پەسىلنىڭ ئۈچىنچىسى، يەنى يازدىن كېيىنكى، قىشنىڭ ئالدىدىكى پەسىل. مىلادىيە بويىچە تەخمىنەن 7-ئاۋغۇستتىن 7-نويابىرغىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كۈرەك

  • كۈرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈزدە تۇغۇلغان قوزا.

كۈزەم

  • كۈزەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھايۋانلارنىڭ كۈزلۈك يۇڭى، كۈزگى يۇڭ.

كۈزەيمەك

  • كۈزەيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تۇغماق، يەڭگىمەك، بوشانماق.

كۈزگى

  • كۈزگى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈزگە خاس، كۈزدە قىلىنىدىغان ياكى تېرىلىدىغان، كۈزلۈك:[مىسال:] كۈزگى بۇغداي. كۈزگى ئاشلىق. كۈزگى زىرائەت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈزگى بۇغداي.

كۈزلەك

  • كۈزلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] كۈز پەسلىدە چارۋا بېقىلىدىغان ئوتلاق.

كۈزلۈك

  • كۈزلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈزگە مۆلچەرلەنگەن، كۈزگە خاس؛ كۈزدە بولىدىغان، تېرىلىدىغان ياكى قىلىنىدىغان؛ كۈزگى:[مىسال:] كۈزلۈك ئاختارما. كۈزلۈك تېرىم. كۈزلۈك زىرائەت. كۈزلۈك يىغىم. كۈزلۈك كىيىم.

كۈسۈتكە

  • كۈسۈتكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تېنى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، بوش يەردىن ئۇۋا كولايدۇ. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ۋە ياۋا ئوت-چۆپلەر ئارقىلىق ئوزۇقلىنىدۇ، چۇما كېسىلىنى تارقىتىدۇ. ئۇ يەنە «سېرىق چاشقان» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

كۈش

  • كۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنى ھەيدەش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.

كۈشەندە

  • كۈشەندە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ئامانلىقىغا، بىخەتەرلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان، زىيان-زەخمەت يەتكۈزىدىغان ئامىل؛ زىيانداش، دۈشمەن:[مىسال:] نەسىردىن باينىڭ ھازىرقى بىردىنبىر كۈشەندىسى ئېرپان ئىدى.

كۈشەندىلىك

  • كۈشەندىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توسقۇنلۇق.

كۈشكۈرتكۈچى

  • كۈشكۈرتكۈچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشقا ئۈندىگەن، دەۋەت قىلغان، قىلىدىغان:[مىسال:] كۈشكۈرتكۈچى جىنايەتچى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشقا ئۈندەيدىغان ئادەم.

كۈشكۈرتمەك

  • كۈشكۈرتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشقا ئۈندىمەك، دەۋەت قىلماق؛ قۇتراتماق:[مىسال:] شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇرۇشقاق چوڭلارنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن شۇ كېچىدىكى جېدەلنىڭ سەۋەبكارى بولۇپ قالدى.

كۈشكۈرتۈشمەك

  • كۈشكۈرتۈشمەك[يەشمىسى:] «كۈشكۈرتمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كۈش-كۈشⅠ

  • كۈش-كۈشⅠ[يەشمىسى:] «كۈش» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

كۈش-كۈشⅡ

  • كۈش-كۈشⅡ[يەشمىسى:] ئىتنى بىر-بىرى بىلەن تالىشىشقا ياكى بىرەر ئادەمگە ئېسىلىپ، ئۇنى تالاشقا بۇيرۇش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.

كۈشكۈشلەشمەك

  • كۈشكۈشلەشمەك[يەشمىسى:] «كۈشكۈشلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كۈشكۈشلىمەك

  • كۈشكۈشلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۈشكۈرتمەك.

كۈشۈك

  • كۈشۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مۆكۈنىدىغان، يوشۇرىنىدىغان جاي.

كۈكۈنەۋرە

  • كۈكۈنەۋرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەينەۋرىنىڭ بالىسى. 7-ئەۋلاد.

كۈل

  • كۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ كۆيۈشىدىن ھاسىل بولغان ئاقۇچ قارا ياكى كۆكۈچ چاڭسىمان مىنېرال قالدۇق.

كۈلىنى كۆككە سورۇماق

  • كۈلىنى كۆككە سورۇماق[يەشمىسى:] پۈتۈنلەي يوق قىلماق، يىمىرىپ تاشلىماق:[مىسال:] بىزنىڭ ئەۋلادىمىزدىن بىر كىشى چىقىپ بۇ زالىمنىڭ تاج-تەختىنى ۋەيران قىلىپ، كۈلىنى كۆككە سورۇپ، بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ قىساسىنى ئالىدۇ.

كۈلپەت

  • كۈلپەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئېغىر قىيىنچىلىق، ئازاب-ئوقۇبەت، دەرد-ئەلەم:[مىسال:] كۈلپەت چەكمەك. كۈلپەت چۈشمەك. كۈلپەت سالماق. * ئۇنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەن ئېغىر كۈلپەتلەردىن ئىچىم ئېچىشتى.

كۈلپەتلىك

  • كۈلپەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئازاب-ئوقۇبەتلىك، دەرد-ئەلەملىك:[مىسال:] كۈلپەتلىك زامان. كۈلپەتلىك كۈنلەر.

كۈلتۈكⅠ

  • كۈلتۈكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۆشۈكتىكى بالىلارنىڭ تەرەت قىلىشى ئۈچۈن بۆشۈككە مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرغان تەرەت قاچىسى؛ جاك.

كۈلتۈكⅡ

  • كۈلتۈكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىچى بوشاپ قالغان، ئىچى كاۋاك بولۇپ قالغان (قار ھەققىدە):[مىسال:] كۈلتۈك قار.

كۈلخانا

  • كۈلخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوچاق ۋە مەشنىڭ كۈل چۈشىدىغان يېرى.

كۈلدان

  • كۈلدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاماكىنىڭ كۈلىنى ۋە قالدۇقىنى تاشلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قاچا.

كۈلدۈرگە

  • كۈلدۈرگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىياتىر<[يەشمىسى:] بىرەر ئىجتىمائىي ھادىسە ياكى بىرەر ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يۇمۇرلۇق سۆز، قىزىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق كۈلكە قوزغاش يولى بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدىغان بىر خىل سەنئەت شەكلى. ئۇ ئەلنەغمىگە مەنسۇپ بولۇپ دىئالوگ ۋە ھەرىكەتتىن ئىبارەت ئىككى ئامىلدىن تەركىب تاپىدۇ.

كۈلدۈرگۈچى

  • كۈلدۈرگۈچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈلدۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان، كۈلدۈرىدىغان:[مىسال:] كۈلدۈرگۈچى گاز.

كۈلدۈرمەك

  • كۈلدۈرمەك[يەشمىسى:] «كۈلمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھايات بەزىدە كۈلدۈرىدۇ، بەزىدە يىغلىتىدۇ.

كۈلدۈرۈلمەك

  • كۈلدۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كۈلدۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كۈل-قوقاس

  • كۈل-قوقاس[يەشمىسى:] كۈل ۋە قوقاس:[مىسال:] ئۇ يېزىنىڭ ئوت گۈلخانلىرى ئىچىدە كۈل-قوقاسقا ئايلىنىپ كېتىش خەۋپىدىن ئامان قالغان قېرى قاپاق تېرەكلىرىگىچە ھەممىسى ماڭا بەش قولدەك تونۇش.

كۈلكە

  • كۈلكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① خۇشاللىقنى، زوقلىنىشنى، شادلىقنى ئىپادىلەيدىغان، بۆلۈنۈپ-بۆلۈنۈپ چىقىدىغان ئاۋازلار:[مىسال:] كۈلكە ئاڭلانماق. * ئاغرىق كىشى كۈلكە سۆيمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ② مازاق، مەسخىرە:[مىسال:] شۇنچىلىك ئاددىي نەرسىلەرنى توغرا چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەي، كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالمايلى يەنە.

كۈلكە-چاقچاق

  • كۈلكە-چاقچاق[يەشمىسى:] كۈلكە ۋە چاقچاق:[مىسال:] ئاغزىدا كۈلكە-چاقچاق قوينىدا پالتا-پىچاق (ماقال). * شۇ چاغدا بىرقانچە ياش ئىشچىلار كۈلكە-چاقچاق بىلەن يېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى.

كۈلكىسىز

  • كۈلكىسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كۈلمەي، شاد-خۇرام بولماي:[مىسال:] كۈلكىسىز ئۆتكەن كۈنلەر كۈن ئەمەس ئىكەن.

كۈلكىلىك

  • كۈلكىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قىزىقارلىق، كۈلدۈرىدىغان:[مىسال:] كۈلكىلىك تىياتىر. كۈلكىلىك ئىش. * مۇخپۇل ئاكا ئۇنىڭغا كۈلكىلىك بىرنەرسىنى ھېكايە قىلىپ بەرمەكتە ئىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەسخىرىلىك:[مىسال:] كۈلكىلىك ئىشتە بۇ، كىم بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ∥ مېنىڭ بۇ ھالىم ساڭا كۈلكىلىك تۇيۇلۇۋاتامدۇ

كۈلگەك

  • كۈلگەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولا كۈلىدىغان، كۈلۈپلا تۇرىدىغان:[مىسال:] كۈلگەك بالا. * چىشقاق بالىغا ئىت ئەگىشەر، كۈلگەك ئايالغا يىگىت (ماقال).

كۈلگەكلىك

  • كۈلگەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈلۈش خۇسۇسىيىتى:[مىسال:] ئۇنىڭ كۈلگەكلىكى كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ.

كۈلگۈنچەك

  • كۈلگۈنچەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولا كۈلىدىغان، كۈلۈپلا تۇرىدىغان، كۈلگەك:[مىسال:] ئىلىك ئىپارگۈلنىڭ ئالمىدەك مەڭزىگە، كۈلگۈنچەك كۆزلىرىگە سۆيەتتى.

كۈلگۈنچەكلىك

  • كۈلگۈنچەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تولا كۈلۈش خۇسۇسىيىتى:[مىسال:] ئارتۇقچە كۈلگۈنچەكلىكىم ئۈچۈن، ئۇ بەزىدە تېرىكىپ قالاتتى.

كۈللۈك

  • كۈللۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈل يىغىلغان، كۈل تۆكۈلگەن جاي.

كۈللى

  • كۈللى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ھەممە، بارلىق، جەمئىي، پۈتكۈل:[مىسال:] كۈللى ئىنسان.

كۈلمەك

  • كۈلمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① خۇشاللىنىش، ئەجەبلىنىش، زوقلىنىش قاتارلىقلارنى كۈلكە بىلەن ئىپادىلىمەك:[مىسال:] قاقاھلاپ كۈلمەك. * ئۇنىڭ گېپىدىن ئەتراپتىكىلەر كۈلۈپ كېتىشتى.[يەشمىسى:] ② كۈلكە بىلەن مەسخىرە قىلماق، زاڭلىق قىلماق:[مىسال:] ئارقىسىدىن كۈلمەك.

كۈلۈشمەك

  • كۈلۈشمەك[يەشمىسى:] «كۈلمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار دەم كۈلۈشۈپ، دەم يىغلىشىپ، بىر-بىرىدىن ئايرىلغاندىن بۇيانقى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەشتى.

كۈلۈمسىرەتمەك

  • كۈلۈمسىرەتمەك[يەشمىسى:] «كۈلۈمسىرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كۈلۈمسىرەشمەك

  • كۈلۈمسىرەشمەك[يەشمىسى:] «كۈلۈمسىرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بىر-بىرىگە قارىشىپ كۈلۈمسىرەشتى.

كۈلۈمسىرىمەك

  • كۈلۈمسىرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چىرايىدا كۈلكە پەيدا قىلماق، چىرايىدىن كۈلكە ياغماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئالدىدا گۈزەل قىز كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى.

كۈمۈش

  • كۈمۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت، بەلگىسى (agentum) Ag. كۈمۈشنىڭ قېتىشمىسىدىن پۇل، كۈندىلىك قوللىنىلىدىغان ئەسۋابلار ۋە زىننەت بۇيۇملىرى ياسىلىدۇ.

كۈمۈشئوت

  • كۈمۈشئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۈمۈش+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پاپۇرتنىكلارنىڭ بىر تۈرى، يەنى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن تېنى دورا قىلىنىدۇ، ھەيزنى تەڭشەش، قاننى جانلاندۇرۇش، بەدەنگە قۇۋۋەت بېرىش، يۆتەل توختىتىش رولى بولىدۇ. تىيانشان تاغلىرىدىن تېپىلىدۇ.

كۈمۈشئۆرۈك

  • كۈمۈشئۆرۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۈمۈش+ئۆرۈك[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر تۈرى، يەنى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. مېغىزىنى ئىستېمال قىلىشقا، دورا قىلىشقا بولىدۇ، ياغىچى چىڭ، ئويمىچىلىقتا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىدىغان ئالاھىدە دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

كۈن

  • كۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قۇياش:[مىسال:] كۈن چىقماق. كۈن ئولتۇرماق. كۈن تۇتۇلماق.[يەشمىسى:] ② سوتكىنىڭ قۇياش چىققاندىن تارتىپ، قۇياش پاتقانغىچە بولغان قىسمى:[مىسال:] يېرىم كۈن. پۈتۈن كۈن. * ئۇ كۈنلىرىنى تاماقسىز، تۈنلىرىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزەتتى.[يەشمىسى:] ③ بىر كېچە-كۈندۈزگە يەنى 24 سائەتكە تەڭ ۋاقىت؛ سوتكا:[مىسال:] بىر يىل 365 كۈن بولىدۇ. * بىرنەچچە كۈن شۇ يەردە تۇرۇپ قالدىم.[يەشمىسى:] ④ ئاي ياكى ھەپتىنىڭ مەلۇم بىر چىسلاسى:[مىسال:] پەيشەنبە كۈنى. جۈمە كۈنى.[يەشمىسى:] ⑤ ۋاقىت، پەيت، چاغ، زامان، دەۋر:[مىسال:] بالىلىق كۈنلىرى. * ئاتامنىڭ كۈنى ئەمدى داۋالانغاچ ئۆي ساقلاش بىلەنلا ئۆتىدىغان بولدى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۇرمۇش، تىرىكچىلىك، ھايات:[مىسال:] كۈنى پۈتمەك. كۈن كەچۈرمەك. كۈن ئۆتكۈزمەك. * ئۇنىڭسىزمۇ بىزنىڭ بۇ يەردىكى كۈنىمىز ئىت-ئېشەكنىڭ كۈنى.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تىنچلىق، ئاسايىشلىق، خاتىرجەملىك:[مىسال:] ئەگەر تاماق تۇزلۇق ياكى تۇزسىز بولۇپ قالسا، خوتۇنىغا كۈن يوق ئىدى.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئازاب-ئوقۇبەت، جەبىر-جاپا؛ ئېغىرچىلىق، كۆڭۈلسىزلىك:[مىسال:] پاتقاق دەرياسىغا چۆكۈپ كەتكەن ئېتىنى چىقىرىمەن دەپ ئۇنىڭ تارتقان كۈنى ئازمۇ

كۈنى تەس

  • كۈنى تەس[يەشمىسى:] ① تۇرمۇشى مۈشكۈل، قىيىنچىلىقى ئېغىر:[مىسال:] بۇ كۈنلەردە ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ كۈنى تەس، دېدى ھارۋىكەش.[يەشمىسى:] ② ياشاشنىڭ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئىمكانىيىتى يوق:[مىسال:] گۈزەلئاي، بىلەمسىز، مەن ئەمدى بىلىۋاتىمەن، سىز بولمىسىڭىز، مېنىڭ كۈنۈم تەس ئىكەن.

كۈنى توشماق

  • كۈنى توشماق[يەشمىسى:] ① ۋاقتى-سائىتى كەلمەك، پەيتى بولماق:[مىسال:] مەلىكىنىڭ كۈنى توشۇپ بىر ئوغۇل يەڭگىپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئەجىلى يەتمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ ئەمدى كۈنى توشتى. * موماي كۈنى توشۇپ قازا تېپىپتۇ.

كۈنى تۇغۇلماق

  • كۈنى تۇغۇلماق[يەشمىسى:] بەخت-تەلىيى كەلمەك:[مىسال:] ئەمدى ئۇلارنىڭمۇ كۈنى تۇغۇلۇپ، شەھەرگە قايتىپ كەلدى.

كۈن يانماق

  • كۈن يانماق[يەشمىسى:] ① كۈندۈزى ئۇزىراشتىن توختاپ قىسقىراشقا ئۆتمەك (يەنى 6-ئاينىڭ 21-، 22-كۈنلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ).[يەشمىسى:] ② ياز ۋاقتىدا كۈن چۈشتىن قايرىلىپ ئىسسىق سەل بوشىماق.

كۈنەكىمەك

  • كۈنەكىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۈن ئالماق، ياشىماق:[مىسال:] توۋا دەيمەن، مەن ئۇلارنى ئازغىنە مائاشقا تايىنىپ قانداقمۇ كۈنەكىدىغاندۇ، دەپ ھەيران بولاتتىم.

كۈنپېتىش

  • كۈنپېتىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۈن+پېتىش[[يەشمىسى:] كۈن پاتىدىغان تەرەپ، غەرب.

كۈنتەرتىپ

  • كۈنتەرتىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۈن+تەرتىپ[[يەشمىسى:] ① يىغىن، سۆھبەت، كېڭەش قاتارلىقلاردا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تەكلىپ، لايىھە ۋە مەزمۇن قاتارلىقلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش تەرتىپى:[مىسال:] يىغىن كۈنتەرتىپى.[يەشمىسى:] ② ئىسىمنىڭⅢشەخس بىرلىكىدە كېلىپ «قاتارى، ئىچى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورمانچىلىقنى چوقۇم مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، رەھبەرلىكنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىش كېرەك.

كۈن-تۈن

  • كۈن-تۈن[يەشمىسى:] كۈن ۋە تۈن، كۈندۈز ۋە كېچە؛ كېچە-كۈندۈز:[مىسال:] ئۇ ئۆز يۇرتىنى كۈن-تۈن سېغىنىپ كەلدى.

كۈنجۈت

  • كۈنجۈت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① كۈنجۈت ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مۇھىم مايلىق زىرائەت ھېسابلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى. يېيىشكە ياكى ماي چىقىرىشقا بولىدۇ.

كۈنجۈتلۈك

  • كۈنجۈتلۈك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈنجۈت تېرىلغان، كۈنجۈت ئۈندۈرۈلگەن:[مىسال:] كۈنجۈتلۈك ئېتىز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈنجۈت تېرىلغان، ئۈندۈرۈلگەن يەر، جاي:[مىسال:] ئۇ كۈنجۈتلۈككە كەتتى.

كۈنجۈرە

  • كۈنجۈرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغلىق دان زىرەئەتلىرىنىڭ ئۇرۇقلىرىدىن ياغ تارتقاندىن كېيىن ھاسىل بولىدىغان قالدۇق. مەسىلەن، پۇرچاق كۈنجۈرىسى، خاسىڭ كۈنجۈرىسى قاتارلىقلار. بۇلارنى يەم-خەشەك ۋە ئوغۇت قىلىشقا بولىدۇ.

كۈنچەك

  • كۈنچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ياقا.

كۈنچېچەك

  • كۈنچېچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۈن+چېچەك[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاپتاپپەرەس.

كۈنچى

  • كۈنچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىركىمنى باشقىلاردىن كۈنلەيدىغان، كۈنداشلىقى كۈچلۈك:[مىسال:] سەن كۈنچى قىز، ئاخىرى چىدىماي مەن بىلەن ئۇرۇشقىلى كەپسەن-دە.

كۈنچىقىش

  • كۈنچىقىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۈن+چىقىش[[يەشمىسى:] كۈن چىقىدىغان تەرەپ، شەرق.

كۈنچىلىك

  • كۈنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «كۈنداشلىق»قا قاراڭ.

كۈنداش

  • كۈنداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ئەرنىڭ نىكاھىدىكى بىرقانچە خوتۇن (بىر-بىرىگە نىسبەتەن):[مىسال:] رەڭگارەڭ كىيىنگەن، ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىدىن ۋايساپ يۈرىدىغان مىڭلىغان كۈنداشلار ئىچىدە سىزگە ئوخشاش مۇلايىم ۋە توغرا ئايالنىڭ بارلىقىنى بىلمىگەن ئىكەنمەن.

كۈنداشلىق

  • كۈنداشلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈندىشى بار:[مىسال:] كۈنداشلىق ئۆيدە كۈندە جاڭجال (ماقال). * مەن كۈنداشلىق ئۆيگە ئىشەنمەيمەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈنداشلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت؛ ھەسەتخورلۇق:[مىسال:] گۈلجاھان كۈنداشلىق ئوتىدا كۆيۈپ ئەزىز جېنىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپتۇ.

كۈندە

  • كۈندە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھەر كۈنى، دائىم:[مىسال:] كۈندە ئۆگىنىش. كۈندە يىغىن.

كۈندە-كۈندە

  • كۈندە-كۈندە[يەشمىسى:] ھەركۈنى، داۋاملىق:[مىسال:] كۈككىنە كەپتەر ئەمەسمەن، كۈندە-كۈندە كەلگىلى. ئايدا-ئايدا بىر كېلەرمەن، ئاي يۈزۈڭنى كۆرگىلى.

كۈندۈز

  • كۈندۈز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر سوتكىنىڭ كۈن چىققاندىن تارتىپ كۈن پاتقۇچە بولغان قىسمى.

كۈندۈزكى

  • كۈندۈزكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈندۈزگە خاس، كۈندۈزى بولىدىغان:[مىسال:] كۈندۈزكى ئىشلار.

كۈندۈزلۈك

  • كۈندۈزلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈندۈزى ئىشلەيدىغان:[مىسال:] كۈندۈزلۈك ئىسمېنا.

كۈندىباھار

  • كۈندىباھار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۈندە+باھار[[يەشمىسى:] خەنزۇ تېبابىتىدىكى دورا نامى. «ياۋا ئېللېكىس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئېللېكىس ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ئېللېكىسنىڭ يوپۇرمىقى. ئۇنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى قېرىق. رولى: ئىسسىقلىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ، قاننى سۇۋۇتىدۇ ۋە توختىتىدۇ. ئاساسلىقى قىزىتمىدىن يۆتىلىش، يۇتقۇنچاق-كاناي ئاغرىش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش، تولغاق، قوڭىيوغان ۋە ھەر خىل كۆيۈك جاراھەتلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ھازىر بۆرەك قامى ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق ياللۇغلىنىشلارنى داۋالاشتىمۇ ئىشلىتىلمەكتە. يوپۇرماق تەنچىسىدە مىكروب تورمۇزلايدىغان پروكاتېخىن بار.

كۈندىلىك

  • كۈندىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەركۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان، كۈندە بولىدىغان:[مىسال:] كۈندىلىك خىزمەت. كۈندىلىك تاماق.

كۈندىن-كۈنگە

  • كۈندىن-كۈنگە[يەشمىسى:] كۈن ئۆتكەنسېرى، ۋاقىت ئۆتكەنچە، كۈنسايىن:[مىسال:] ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ھۆرمىتى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ باراتتى.

كۈنساناپ

  • كۈنساناپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]كۈن+ساناپ[[يەشمىسى:] ① ھەركۈنى، كۈندە دېگۈدەك:[مىسال:] ئىككى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۆيلىرىگە كۈنساناپ ئەلچىلەر توپى يىغىلىدىغان بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ② بارغانسېرى، كۈندىن-كۈنگە:[مىسال:] ئۇنىڭ كېسىلى كۈن ساناپ ئېغىرلىشىپتۇ.

كۈنسايىن

  • كۈنسايىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «كۈندىن-كۈنگە»گە قاراڭ:[مىسال:] تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ، قوزغىلاڭچىلار سېپىگە قوشۇلىدىغانلار كۈنسايىن كۆپىيىشكە باشلىغانىدى.

كۈنسېرى

  • كۈنسېرى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «كۈندىن-كۈنگە»گە قاراڭ:[مىسال:] بۇ ئىش سېيىت ھاجىنىڭ كۈنسېرى پىشىپ كېلىۋاتقان پىلانىنى خېمىغا ياندۇرغىلى تۇردى.

كۈنسىز

  • كۈنسىز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈن يوق:[مىسال:] كۈنسىز ئاسمان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كۈن ئۆتمەي تۇرۇپ:[مىسال:] مەن ئۈچ كۈنسىز قايتمايمەن.

كۈنگەي

  • كۈنگەي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈن نۇرى تېگىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] كۈنگەي تاغ. كۈنگەي يايلاق. * ئۆينىڭ كۈنگەي تېمىغا ئېسىلغان سائەت بىر رىتىمدا چىكىلدايتتى. ∥ چارۋىلار ھازىر تاغ ئۈستىدىكى كۈنگەيدە.

كۈنگۈرە

  • كۈنگۈرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] سېپىل ۋە بەزى تاملارنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ئۈچ ياكى تۆت بۇرجەك قىلىپ قويۇلغان تۆشۈك.

كۈنگۈرىلىك

  • كۈنگۈرىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈنگۈرىسى بار، كۈنگۈرە چىقىرىلغان:[مىسال:] قاتار كەتكەن ئىمارەتلەرنىڭ چۆرىسىگە كۈنگۈرىلىك تام قوپۇرۇلغانىدى.

كۈنلەپ

  • كۈنلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كۈن بويى، كۈن ۋە كۈنلەر داۋامىدا؛ بىرنەچچە كۈن:[مىسال:] بەزى ئىشچىلار خاڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتسە كۈنلەپ سىرتقا چىقمايتتى.

كۈنلەپ-كۈنلەپ

  • كۈنلەپ-كۈنلەپ[يەشمىسى:] «كۈنلەپ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىش يولى بىلەن كۈچەيتىلىپ ئېيتىلىشى:[مىسال:] ئۇ چاغلاردا كۈنلەپ-كۈنلەپ ئاچ قالىدىغان كۈنلەر بولۇپ تۇراتتى.

كۈنلەپ-ھەپتىلەپ

  • كۈنلەپ-ھەپتىلەپ[يەشمىسى:] كۈنلەپ ۋە ھەپتىلەپ؛ كۈن ۋە ھەپتىلەر داۋامىدا، خېلى بىرمەزگىل:[مىسال:] ئۇلار كۈنلەپ-ھەپتىلەپ سىرتقا چىقماي ئۆيدە مۆكۈپ يېتىشتى.

كۈنلەشمەك

  • كۈنلەشمەك[يەشمىسى:] «كۈنلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بىر-بىرىنى كۈنلىشىپ كۈندە جاڭجال قىلىشاتتى.

كۈنلۈكⅠ

  • كۈنلۈكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يامغۇر ياكى كۈن نۇرىدىن دالدىلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئەسۋاب.

كۈنلۈكⅡ

  • كۈنلۈكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىر كۈنگە مۆلچەرلەنگەن، بىر كۈندە بولىدىغان، بىر كۈنگە ئائىت:[مىسال:] كۈنلۈك ئىشلىمەك. * سىزنىڭ كۈنلۈك نورمىڭىز قانچە[يەشمىسى:] ② ساناق سانلار بىلەن كېلىپ، قانچە كۈنگە مۆلچەرلەنگەنلىكىنى، قانچە كۈنگە ئائىتلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر كۈنلۈك ئىش. بەش كۈنلۈك ئالەم. * قورغان يېرىم كۈنلۈك يول ئىدى.

كۈنلۈكچى

  • كۈنلۈكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋاقىتلىق ياكى كۈندىلىك ياللىنىپ ئىشلەيدىغان ئىشچى؛ مەدىكار:[مىسال:] باينىڭ ئۆيىدە ھەر كۈنى نەچچە ئونلىغان كۈنلۈكچى ئىشلەيتتى.

كۈنلۈكچىلىك

  • كۈنلۈكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «مەدىكارلىق»قا قاراڭ.

كۈنلۈكسىز

  • كۈنلۈكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈنلۈك كۆتۈرمەي، كۈنلۈك ئالماي:[مىسال:] يامغۇر يېغىۋاتقىنىغا قارىماي كۈنلۈكسىز چىققىنىڭىز نېمىسى

كۈنلۈكسىمان

  • كۈنلۈكسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈنلۈككە ئوخشاش، كۈنلۈك شەكلىدىكى:[مىسال:] كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى. كۈنلۈكسىمان مېدۇزا.

كۈنلىمەك

  • كۈنلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۈنداشلىق قىلماق:[مىسال:] كۈنلەش مۇھەببەتنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولىدىغان ئىللەت.

كۈنۈشلىمەك

  • كۈنۈشلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۈن ئارىلىماق.

كۈنۈن

  • كۈنۈن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھەركۈنى، كۈندە.

كۈنىگە

  • كۈنىگە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كۈندە، ھەركۈنى؛ بىر كۈن كەچكىچە:[مىسال:] مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھېسابلىشىچە ھەربىر ئادەم كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر سائەت سۆزلەيدىكەن.

كۈنيۈرۈش

  • كۈنيۈرۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۈن+يۈرۈش[[يەشمىسى:] جەنۇب.

كۈۋەيت

  • كۈۋەيت[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] كۈۋەيت پادىشالىقى غەربىي ئاسىيادىكى پارىس قولتۇقىنىڭ غەربىي شىمالىي قىرغىقىغا، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 17 مىڭ 818 كۇۋادىرات كېلومېتىر. نوپۇسىنىڭ %40تىنى كۈۋەيىتلىكلەر، قالغان %60تىنى مۇھاجىر پەلەستىلىكلەر، مىسىرلىقلار، ھېندىستانلىقلار، ئىرانلىقلار ۋە پاكىستانلىقلار ئىگىلەيدۇ. ھۆكۈمەت تىلى ئەرەب تىلى، ئىنگلىز تىلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ %95تى ئىسلام دىنىغا ئېتىقان قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە %70تىن كۆپرەكى سۈنئىي مەزھىپگە تەۋە.

  • كۈۋەيتنىڭ زېمىنىدا قەدىمدىن بۇيان ئەرەبلەر كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ، مىلادى Ⅶ ئەسىردە، ئەرەب ئېمپرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. ⅩⅣ ئەسىردىن ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئوسمان تۈركلىرىنىڭ ئىشخالىيىتىدە بولغان. 1939-يىلى رەسمىي ھالدا ئەنگلىيىنىڭ ھامىلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. 1961-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، 1971-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.

  • كۈۋەيتنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى مول بولۇپ، 1987-يىلى ئېنىقلانغان نېفىت زاپىسى تەخمىنەن 12 مىليارت 300 مىليون توننا، تەبىئىي گاز زاپىسى بىر ترىلىيون 167 مىليارت كۇپ مېتىر. نېفىت زاپىسى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدۇ. دېڭىز بويلىرىدىن يەنە مەرۋايىت ۋە راك ئېلىنىدۇ. دېھقانچىلىقى تەرەققىي قىلمىغان، ئاشلىق، مىۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئېمپورت قىلىدۇ. كۈۋەيت پۈتۈن دۆلەت ئومۇمىي سۇ ئىستىمالىنىڭ %96تى دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.

  • ئاساسلىق شەھىرى پايتەخت كۈۋەيت شەھىرى بولۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، ئۇ يەنە ئوتتۇرا شەرق بويىچە ئەڭ زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، پارىس قولتۇقى سودىسىنىڭ خەلقئارالىق قاتناش تۈگۈنى.

كۈي

  • كۈي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] مۇزىكىدا قايسى ئاھاڭ «do» بولۇپ كەلسە، بۇ بىر كۈي بولىدۇ. مەسىلەن، c=1 بولسا c كۈيى، a=1 بولسا a كۈيى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئاھاڭ، ناخشا:[مىسال:] ئۇ ئىچىدە بىر كۈينى غىڭشىپ ئېيتقىنىچە پايات سېخى تەرەپكە مېڭىپ كەتتى.

كۈيەⅠ

  • كۈيەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. تېنى كىچىك، سارغۇچ قوڭۇر، قاناتلىرىنىڭ جىيەكلىرىدە. بېشىدا قېلىن ئۆسكەن قوڭۇر سېرىق تۈكچىلىرى بار. لىچىنكىسى ئاق رەڭلىك، يۇڭدىن توقۇلغان بۇيۇملارنى يەيدۇ:[مىسال:] كۈيە چۈشمەك. كۈيە يېمەك.

كۈيەⅡ

  • كۈيەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوت قالىغاندا ئىسنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ چىقىشىدىن ھاسىل بولغان قارا رەڭلىك يۇمشاق ماددا؛ قۇرۇم.

كۈيەك

  • كۈيەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوشقار ۋە تېكىلەرنىڭ ساغلىق ۋە ئۆچكىلەرگە خالىغانچە ئارتىلماسلىقى ئۈچۈن جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئالدىغا تارتىپ قويىدىغان كىگىز پەرتۇق.

كۈيچى

  • كۈيچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈيلەيدىغان، مەدھىيىلەيدىغان:[مىسال:] باغقا كىردى جىلۋە، ناز بىلەن، سۈبھى تاڭدا ئويغىنىپ گۈزەل. قارشى ئالدى ئۇنى گۈل-چىمەن، كۈيچى بۇلبۇل ياڭرىتىپ غەزەل.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سەنئەتنىڭ مەلۇم ساھەسىدە شەخسنى ياكى بىرەر نەرسىنى كۈيلەيدىغان، مەدھىيىلەيدىغان، تەسۋىرلەيدىغان ئادەم (شائىر، يازغۇچى، رەسسام).

كۈيچىلىك

  • كۈيچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈيلەش پائالىيىتى.

كۈيرەك

  • كۈيرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] لويلا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. دېڭىز بويىدىكى شورلۇق يەرلەر ۋە تۈزلەڭلىكلەردە ئۆسىدۇ، شورغا چىداش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىلەن مەشھۇر.

كۈيشۇناس

  • كۈيشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] كۈيشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى، ئالىمى.

كۈيشۇناسلىق

  • كۈيشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] مۇزىكىنىڭ كۈينى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى.

كۈيلەتمەكⅡ

  • كۈيلەتمەكⅡ[يەشمىسى:] «كۈيلىمەكⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قوزغىتىپ ئىلھام، كۈيلەتكەن شۇنچە، يېزىنىڭ شوخ قىزى قەلبى ئوت چولپان.

كۈيلەشمەكⅠ

  • كۈيلەشمەكⅠ[يەشمىسى:] «كۈيلىمەكⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كۈيلەشمەكⅡ

  • كۈيلەشمەكⅡ[يەشمىسى:] «كۈيلىمەكⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئۆزى ئىجاد قىلغان مۇزىكىلىرى بىلەن مېھرىبانلىق، ۋاپادارلىقنى كۈيلىشەتتى.

كۈيلەنمەك

  • كۈيلەنمەك[يەشمىسى:] «كۈيلىمەكⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ناخشىدا كۈيلەنگەن ھايات، مۇھەببەت مەخسۇمنىڭ كۆز ئالدىدا جانلىناتتى.

كۈيلىمەكⅠ

  • كۈيلىمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ چىشىلىرى تۇخۇم يېتىلىشنىڭ ھارپىسىدا فىزىئولوگىيە جەھەتتىن چېتىشىشنى تەلەپ قىلماق.

كۈيلىمەكⅡ

  • كۈيلىمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسە، ئادەم ۋە شۇ قاتارلىق شەيئىلەرنى ناخشا قوشاقلار بىلەن تەرىپلىمەك، مەدھىيىلىمەك:[مىسال:] كېيىنكى كىشىلەر بۇ زاتنى كۈيلەپ مۇنداق بىر نەزمە پۈتۈپتۇ.

كۈيمەسلىك

  • كۈيمەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چىداپ تۇرالماسلىق، تاقەت قىلالماسلىق.

كۈيمۈنۈش

  • كۈيمۈنۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] شۇغۇللىنىش، ئەرمەك بولۇش.

كۈيئوغۇل

  • كۈيئوغۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىزىنىڭ ئېرى.

كۈيئوغۇللۇق

  • كۈيئوغۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈيئوغۇل بولۇش:[مىسال:] بۈگۈن جانابىي ۋالىيىمىزنىڭ ئىلتىپاتى سايىسىدا كۈيئوغۇللۇققا سازاۋەر بولدۇم.

كۈيۆ

  • كۈيۆ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەر، يولداش (ئاياللارنىڭ):[مىسال:] سىڭلىمنىڭ كۈيۆسى.

كۈيۆلۈك

  • كۈيۆلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلاردىكى نىكاھ ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن قىز تەرەپ يىگىتكە قويىدىغان بىر قۇر كىيىم ياكى بىر كىيىملىك رەخت.

كۈيۈشتۈرمەك

  • كۈيۈشتۈرمەك[يەشمىسى:] «كۈيۈشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كۈيۈشمەك

  • كۈيۈشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بەدەننىڭ مەلۇم قىسمى ئۇزاق ۋاقىت بېسىلىش، ھەرىكەتسىز ھالەتتە تۇرۇش ياكى مۇزلاش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بەدەننىڭ شۇ قىسمىدا نۇرغۇن ئۇششاق نەرسىلەر سانجىلغاندەك بىر خىل سېزىم پەيدا بولماق، ئۇيۇشماق، چىمىلدىماق.

كۈيۈندە

  • كۈيۈندە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قارا توزان كېسىلى، قارا كۈيە.

كۈيىۋاش

  • كۈيىۋاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كۈيە+باش[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قارا توزان كېسىلى، قارا كۈيە.

كۋاچا

  • كۋاچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زامبىيىنىڭ پۇل بىرلىكى.

كۋادرات

  • كۋادرات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ① تۆت تەرىپى ئۆزئارا تەڭ، تۆت بۇلۇڭى تىك بۇلۇڭ بولغان تۆت تەرەپلىك:[مىسال:] كۋادرات مېتىر. كۋادرات كىلومېتىر.[يەشمىسى:] ② بىر ساننى ئۆز-ئۆزىگە كۆپەيتىشتىن ھاسىل بولغان سان ياكى كۆرسەتكۈچى ئىككى بولغان دەرىجە. مەسىلەن a2 32 قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

كۋادراتلىق

  • كۋادراتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۋادراتى بار، كۋادراتقا ئىگە:[مىسال:] كۋادراتلىق ئايرىما.

كۋارتس

  • كۋارتس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. خىمىيىلىك تەركىبى سىلتسىي ئوكسىد (SiO2). سانائەتتە ئۇنىڭدىن ئوپتىك ئەسۋابلار، رادىئو سايمانلىرى، ئوتقا چىداملىق ماتېرىيال، ئەينەك ۋە فارفور بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ياسىلىدۇ.

كۋارتسلىق

  • كۋارتسلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە كۋارتس بولغان، كۋارتسقا ئىگە:[مىسال:] كۋارتسلىق پورفىر. كۋارتسلىق سائەت. كۋارتسلىق مونزونت.

كۋارك

  • كۋارك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] پروتون، نېيترون قاتارلىق ئاساسىي زەررىچىلەرنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ كىچىك زەررىچە.

كۋانت

  • كۋانت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] مىكرو ساھەدە، بەزى فىزىكىلىق مىقدارلارنىڭ ئۆزگىرىشى تەدرىجىي يوسۇندا بولماستىن، بەلكى ئەڭ كىچىك بىرلىكتىن بىراقلا سەكرەش بويىچە بولىدۇ. بۇ ئەڭ كىچىك بىرلىك كۋانت دەپ ئاتىلىدۇ.

كۋانزا

  • كۋانزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئانگولانىڭ پۇل بىرلىكى.

كيات

  • كيات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرمىنىڭ پۇل بىرلىكى.

كې

  • كې[يەشمىسى:] «ك» ھەرپىنىڭ نامى.

كېپەك

  • كېپەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بۇغداي، قوناق قاتارلىقلارنىڭ ئۇنىنى ئەلگەك بىلەن تاسقىغاندا، ئەلگەكتىن ئۆتمەي ئايرىلىپ قالىدىغان دان پوستى.[يەشمىسى:] ② چاچ ئاستىدىكى تېرىدىن ئاجرىلىپ تۆكۈلىدىغان تالقانسىمان توقۇلما.[يەشمىسى:] ③ ئۇۋىتىلغان، ئۇششاقلانغان تالقانسىمان نەرسە:[مىسال:] ھەرە كېپىكى، تۆمۈر كېپىكى.

كېپەكخانا

  • كېپەكخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېپەك ساقلايدىغان ئۆي.

كېپەكسىمان

  • كېپەكسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېپەككە ئوخشاش، كېپەك ھالىتىدىكى:[مىسال:] كېپەكسىمان ماددا.

كېپەكلەشتۈرمەك

  • كېپەكلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «كېپەكلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ سوپۇن باشنى كېپەكلەشتۈرۈۋىتىدىكەن.

كېپەكلەشمەك

  • كېپەكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كېپەك پەيدا بولماق، كېپەك ھالىتىگە كەلمەك:[مىسال:] باش كېپەكلەشتى.

كېپەكلىك

  • كېپەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە كېپەك بار؛ كېپەك ئارىلاشتۇرۇلغان؛ كېپىكى ئايرىۋېلىنغان:[مىسال:] كېپەكلىك ئۇن.

كېپەن

  • كېپەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دەپنە قىلىش ئالدىدا مېيىتنى ئورايدىغان ئاق رەخت.

كېپەنسىز

  • كېپەنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېپەنگە ئېلىنمىغان، قىپيالىڭاچ.

كېپەنسىزلىك

  • كېپەنسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كېپىنى يوقلۇق، قىپيالىڭاچلىق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كەمبەغەللىك، نامراتلىق، يوقسۇزلۇق.

كېپەنلەتمەك

  • كېپەنلەتمەك[يەشمىسى:] «كېپەنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كېپەنلەشمەك

  • كېپەنلەشمەك[يەشمىسى:] «كېپەنلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كېپەنلەنمەك

  • كېپەنلەنمەك[يەشمىسى:] «كېپەنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆلگۈچى كېپەنلىنىپ تاۋۇتقا سېلىنىشتىن بۇرۇن، ئۆلگۈچىنىڭ بالا-چاقىلىرى ئۆلگۈچى بىلەن ۋىدالىشىدۇ.

كېپەنلىك

  • كېپەنلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېپەن قىلىنىدىغان، كېپەن قىلىشقا باب:[مىسال:] كېپەنلىك رەخت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېپەن قىلىنغان رەخت، كېپەن.

كېپەنلىمەك

  • كېپەنلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كېپەنگە ئالماق، كېپەنگە ئورىماق:[مىسال:] ئۇلار شۇ ئەتراپتىكى بىرنەچچە مۇسۇلمانلارنى باشلاپ كېلىپ، باغۋەن بوۋاينى يۇيۇپ، كېپەنلەپ، نامىزىنى چۈشۈرۈپتۇ.

كېپىل

  • كېپىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش ۋە كىشى ئۈچۈن كېپىللىك قىلغۇچى:[مىسال:] ياق جانابلىرى پىيادە قالسىلا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ بالىنىڭ ئامانلىقىغا تامامەن ئۆزلىرى كېپىل.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان شارائىت، ۋاسىتە:[مىسال:] بىزگە خاس خۇش چىراي ئاچقان كېلەچەك، ئۇلۇغۋار نىشانغا ئەھدىمىز كېپىل. ئارقىغا بېقىش — ئۇ بىزگە يات خىسلەت، ئەي كەچ كۈز شامىلى، بولمىغىن خىجىل. ∥ «سىياسەت بۈگۈن نەدە، كانايدا ئەمەس يەردە»، ھەققە بۇ كېپىل سۆزدىن ئۆرگىلىپ كېتەي ئەمدى.

كېپىللىك

  • كېپىللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېپىل بولۇش:[مىسال:] كېپىللىك ئالماق. كېپىللىك قىلماق.

كېپىلىماق

  • كېپىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تولا يىغلىماق؛ تولا گەپ قىلماق.

كېپىنەك

  • كېپىنەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. قاناتلىرى كەڭ، رەڭگى چىرايلىق، تىنچ تۇرغاندا تۆت قانىتى دۈمبە قىسمىدا تىك تۇرىدۇ. قورسىقى تار، ئۇزۇن، گۈل شىرنىلىرىنى شۈمۈرۈپ يەيدۇ.

كېپىنەكچىلەپ

  • كېپىنەكچىلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پۇت-قولىنىڭ ھەرىكىتىنى كېپىنەكنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشاش قىلىپ:[مىسال:] دېلفىنچە ئۈزۈش كېپىنەكچىلەپ ئۈزۈشنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى.

كېپىنەكسىمان

  • كېپىنەكسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەكلى كېپىنەككە ئوخشايدىغان، كېپىنەك شەكلىدىكى:[مىسال:] كېپىنەكسىمان گۈل تاجى.

كېپىنەكگۈل

  • كېپىنەكگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كېپىنەك+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گۈلنەپشە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى ئىنتايىن كۆركەم بولۇپ، باغ-ھويلىلاردا ئۆستۈرۈلىدىغان مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ بىرى. غول يوپۇرمىقىدا يۆتەل توختىتىش خۇسۇسىيىتى بولۇپ، دورا ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

كېتەرلىك

  • كېتەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سەرپ قىلىنىدىغان، سەرپ قىلىشقا تېگىشلىك؛ لازىملىق:[مىسال:] ھېزىمنىڭ تويىغا كېتەرلىك پۇلى ھازىرغىچە كەملەرمىش. شۇڭا كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىن قىلساق دەپتۇ.

كېتسال

  • كېتسال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۋاتېمالانىڭ پۇل بىرلىكى.

كېتىشمەك

  • كېتىشمەك[يەشمىسى:] «كەتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئانا-بالا خۇشال كۈلۈشكىنىچە ئۆيگە كىرىپ كېتىشتى.

كېتىلمەك

  • كېتىلمەك[يەشمىسى:] «كەتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] خېلى بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، باغلاقتىكى يىگىتمۇ مەھكىمىگە ئېلىپ كېتىلدى.

كېچە

  • كېچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سوتكىنىڭ قاراڭغۇ چۈشكەندىن تاڭ ئاتقۇچە بولغان قىسمى.

كېچە-كۈندۈز

  • كېچە-كۈندۈز[يەشمىسى:] ① كېچە ۋە كۈندۈز:[مىسال:] ئەجدىھا بىر ئۇخلىغاندا، ئۈچ كېچە-كۈندۈز ئۇخلايدىكەن.[يەشمىسى:] ② ھەر ۋاقىت، داۋاملىق، ئۈزەلدۈرمەي:[مىسال:] ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ كېچە-كۈندۈز ئويلايدىغىنى مۇشۇ ئىدى.

كېچە-كۈندۈزلەپ

  • كېچە-كۈندۈزلەپ[يەشمىسى:] بىرقانچە كېچە-كۈندۈز ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ:[مىسال:] ۋراچلار كېچە-كۈندۈزلەپ كېسەلنىڭ يېنىدىن نېرى كەتمەيتتى.

كېچە-كېچىلەپ

  • كېچە-كېچىلەپ[يەشمىسى:] بىرقانچە كېچە ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ، قىرقانچە كېچە داۋامىدا:[مىسال:] ئۇ خىزمەت ۋاقتىدىلا ئەمەس، ھەتتا كېچە-كېچىلەپ بىرنەرسىلەرنى يېزىش بىلەن مەشغۇل ئىدى.

كېچەيۇكۈندۈز

  • كېچەيۇكۈندۈز[يەشمىسى:] كېچە ۋە كۈندۈز، كېچە-كۈندۈز داۋامىدا:[مىسال:] بەرھەمشاھ يەتتە ئاي كېچەيۇكۈندۈز يول يۈرۈپ مەلىكە گۈلرۇزنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەپتۇ.

كېچىچە

  • كېچىچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پۈتۈن كېچە بويى، كېچە داۋامىدا:[مىسال:] بىز كېچىچە دەريا بويىدا قاراۋۇللۇق قىلدۇق.

كېچىسىز

  • كېچىسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كېچىنى ئۆتكۈزمەي، كېچە بولماستىن:[مىسال:] تاماق يەۋېلىڭ، مۇشۇ چىقىپ كەتكىنىڭىزچە يېرىم كېچىسىز قايتمايسىز، مەن ئەنسىرەپ قالىدىكەنمەن، — دېدى جەننەتخان ئەبىلغازىغا.

كېچىشمەك

  • كېچىشمەك[يەشمىسى:] «كەچمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سودىگەرلەر كۈن پاتقۇچە دەريانى ئاتلىق كېچىشىپ قونالغۇغا يېتىپ باردى.

كېچىك

  • كېچىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دەريا، كۆل قاتارلىقلارنىڭ كېچىپ ئۆتىدىغان جايى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ماڭىدىغان، ھەرىكەت قىلىدىغان يول.

كېچىكتۈرمەك

  • كېچىكتۈرمەك[يەشمىسى:] «كېچىكمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مېنىڭچە بۇ پىلاننى ھازىرچە كېچىكتۈرگەن تۈزۈك.

كېچىكتۈرۈلمەك

  • كېچىكتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كېچىكتۈرمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇنداق كېچىكتۈرۈلۈپ تارقىتىلغان گېزىت-ژۇرنال، تېلېگرامما، خەت-چەكلەرنىڭ نېمە رولى بار

كېچىكمەك

  • كېچىكمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن كېيىن قالماق:[مىسال:] سادىق خىزمەتكە يېرىم سائەتچە كېچىكتى.[يەشمىسى:] ② بېجىرىلىشى كەينىگە سۈرۈلمەك، ۋاقتىدا بېجىرىلمەي قالماق:[مىسال:] ئۆتكەن يىلى كۈزدە خوتەندە تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغانلىقتىن، كۈزلۈك زىرائەتلەر كېچىكىپ پىشتى.

كېچىكىشمەك

  • كېچىكىشمەك[يەشمىسى:] «كېچىكمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ كۈنى، تۈنۈگۈن مۇزلۇق كۆلگە تاشلانغان تۆت ئوقۇغۇچىدىن باشقا يەنە بەزى ئوقۇغۇچىلار ئەتىگەنلىك مەشىققە دەسسەشكە كېچىكىشتى.

كېچىلەپ

  • كېچىلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كېچە داۋامىدىكى ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ، تۈن بويى:[مىسال:] سەمەر كېچىلەپ مېڭىپ ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ ئىسھاق بىلەن ئۇچراشتى.

كېچىلىك

  • كېچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كېچىگە خاس، كېچىسى بولىدىغان، كېچىدىكى:[مىسال:] كېچىلىك ئولتۇرۇش. * قىش پەسلى ئىدى، قاتتىق شىۋىرغانلىق بىر كۈنى ماڭا كېچىلىك دىجورنىلىق نۆۋىتى كېلىپ قالدى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم كېچە داۋام قىلغان ياكى داۋام قىلىدىغان:[مىسال:] ئۈچ كېچىلىك جەڭ. * ئۇ بۈگۈن كىيىم يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن بىر كېچىلىك رۇخسەت ئالغانىدى.

كېچىلىمەك

  • كېچىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر جايدا كېچىنى ئۆتكۈزمەك، ياتماق:[مىسال:] مېھمانلار ئاخشام بىزنىڭ ئۆيدە كېچىلىدى.

كېدىر

  • كېدىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قارىغاي ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. شىزاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ھىمالايا تېغىدىن چىقىدۇ. مەشھۇر مەنزىرە دەرىخى. شەھەرلەردە ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇرۇقىدىن ماي ئېلىنىدۇ.

كېر

  • كېر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جەدە بىلەن تورۇق ئوتتۇرىسىدىكى رەڭ تۈسى، سارغۇچ قىزىل (ئاتنىڭ رەڭگى ھەققىدە).

كېرەجىمەك

  • كېرەجىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئىشىكنى توسۇپ تۇرۇۋالماق.

كېرەك

  • كېرەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① زۆرۈر؛ لازىم:[مىسال:] شەھەردە كۆز كېرەك، جاڭگالدا قۇلاق كېرەك (ماقال). * ئۇ قىزلار ئۆزلىرىگىمۇ كېرەك نەرسىلەرنى ئېلىپ بىر قۇتا دورا كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ. ∥ دېمىسىمۇ گۆھەر مەلىكە تۇرغان ئۆيگە كېچىسى چىراغنىڭ كېرىكى يوق.[يەشمىسى:] ② ئىسىمداش ۋە شەخس قوشۇمچىلىرى ئېلىپ كەلگەن ئىسىمداشلار بىلەن كېلىپ، ئىسىمداش بىلدۈرگەن ئىش-ھەرىكەتنىڭ بېجىرىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] لەيلىگۈلنى تۈمەن دەرياسىنىڭ ئاستىدىن تېپىشىم، ئۇنىڭ بىلەن مۇراد-مەقسىتىمگە يېتىشىم كېرەك.[يەشمىسى:] ③ شەرت مەيلىدىكى پېئىل بىلەن كېلىپ مۆلچەر ۋە ئېھتىماللىقنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ ئېھتىمال مۇشۇ ئاشخانىنىڭ خوجايىنى بولسا كېرەك.

كېرەكسىز

  • كېرەكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كېرىكى يوق، ئېھتىياجلىق ئەمەس، ئارتۇقچە:[مىسال:] كېرەكسىز نەرسە ئەرزان بولسىمۇ قىممەت (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئىشلىتىپ كېرەكتىن چىققان، كېرەككە كەلمەيدىغان، بۇزۇلغان، تاشلاندۇق:[مىسال:] كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىۋېلىش پونكىتى. كېرەكسىز قەغەزلەرنى سېتىش. * توختى قولىدىكى كېرەكسىز ئۈشكىلەرنى بىر يەرگە دۆۋىلىدى-دە، ئۇدۇلىدىكى تۇرئاخۇنغا قاراپ قويدى.

كېرەكلىك

  • كېرەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كېرىكى بار، ئېھتىياجلىق، لازىملىق، پايدىلىق، زۆرۈر:[مىسال:] كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىرى يوق (ماقال). * جالالىدىن مۇئەللىم ھەر كۈنى «تەجرىبە ئۆيى» نى يوقلايتتى، كېرەكلىك مەسلىھەتلەر بېرەتتى، رىغبەتلەندۈرەتتى.[يەشمىسى:] ② كېرەككە كېلىدىغان، ياراملىق:[مىسال:] ئۇ دائىم: «بالا ئانىسىدىن كىچىك قالدى، قانداقلا بولسۇن ئوقۇتۇپ، ئۆز نېنىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغان كېرەكلىك ئادەم قىلىمەن» دەيتتى.

كېرەك-ياراغ

  • كېرەك-ياراغ[يەشمىسى:] لازىم قىلىدىغان، ئىشلىتىلىدىغان قورال-جابدۇق:[مىسال:] سەپەرنىڭ كېرەك-ياراغلىرى تەيياردۇ

كېرىشمەك

  • كېرىشمەك[يەشمىسى:] «كەرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار كۆكرەكلىرىنى كېرىشىپ، ئۆزلىرىچە ناھايىتى مەغرۇر تۇرۇشاتتى.

كېرىك

  • كېرىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېرىلگەن، كېرىلىدىغان:[مىسال:] داپ كېرىك تۇرمامدۇ.

كېرىگە

  • كېرىگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغاچتىن تور شەكلىدە كۆز چىقىرىپ قۇراشتۇرۇلغان، يىغقىلى، ئاچقىلى بولىدىغان كىگىز ئۆينىڭ تېمى.

كېرىگەت

  • كېرىگەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كېرىگە+ئەت[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] «دىئافراگما»غا قاراڭ.

كېرىلدۈرمەك

  • كېرىلدۈرمەك[يەشمىسى:] «كېرىلمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كەچ كۈزدە كۆمۈش ئالدىدا ئاساسىي شاخلارنى ئۈچ تەرەپكە كېرىلدۈرۈپ، تۈۋىگە 15 20 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا توپا يۆلىنىدۇ.

كېرىلمەك

  • كېرىلمەك[يەشمىسى:] ① «كەرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] داپ كېرىلدى.[يەشمىسى:] ② «كەرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] لەشكەرلەر غاز قانىتىدەك كېرىلىپ ئېتىلغىنىچە قوۋۇق ئالدىغا كېلىپ قالدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزىنى چوڭ تۇتماق، مەغرۇرلانماق:[مىسال:] ماختانغاننىڭ ئۆيىگە بارما، كېرىلگەننىڭ تويىغا بارما (ماقال).

كېرىلىشمەك

  • كېرىلىشمەك[يەشمىسى:] «كېرىلمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۈچ بارمىقىنى ھېلىغىچە بېسىپ تۇرغان ئۇ كىشى خاتىپقا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا باداشقان قۇرۇپ كېرىلىشىپ ئولتۇرغان يىگىتلەرگە بىر قۇر قاراپ قويدى.

كېرىمدانە

  • كېرىمدانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مازارىيون ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. ئۈچكىلىك مېۋە تۇتىدۇ. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ. غۇنچىسى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېزەكⅠ

  • كېزەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر قورساقتىن بىر قېتىمدا تۇغۇلغان ئىككى بالا، جۈپ، بىر تۇغقان، قوشكېزەك.

كېزەكⅡ

  • كېزەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دوپپا، تۇماق قاتارلىقلارنىڭ چۆرىسىگە رەخت، كۆرپە قاتارلىقلاردىن تۇتۇلغان گىرۋەك. جىيەك.

كېزەكلەتمەك

  • كېزەكلەتمەك[يەشمىسى:] «كېزەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كېزەكلەشمەك

  • كېزەكلەشمەك[يەشمىسى:] «كېزەكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كېزەكلەنمەك

  • كېزەكلەنمەك[يەشمىسى:] «كېزەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كېزەكلىمەك

  • كېزەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دوپپىنىڭ چۆرىسىگە كېزەك تۇتماق، كېزەك ئالماق.

كېزەكلىك

  • كېزەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كېزىكى بار، كېزەك تۇتۇلغان:[مىسال:] قارا كېزەكلىك دوپپا.[يەشمىسى:] ② كېزەك قىلىشقا تەييارلانغان، كېزەك قىلىشقا مۇۋاپىق:[مىسال:] كېزەكلىك رەخت.

كېزو

  • كېزو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] نۆۋەتچىلىك.

كېزىشمەك

  • كېزىشمەك[يەشمىسى:] «كەزمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كېزىك

  • كېزىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئۈچەي يوللىرىدىكى ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل. كېزىك تاياقچە باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدا، بەدەن تېمپېراتۇرىسى تەدرىجىي ئۆرلەپ 04℃ — 93℃ قا چىقىدۇ، تومۇر ئاستىلايدۇ، تال ئىششىيدۇ، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئازىيىدۇ، قورساق ساھەسىگە ھال رەڭ ئەسۋە چىقىدۇ. ئېغىر بولغاندا ئۈچەي قاناش، ئۈچەي تېشىلىش سەۋەبلىك ئۆلۈم ھادىسىسى يۈز بېرىشى مۇمكىن.

كېزىكلىمەك

  • كېزىكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كېزىك بىلەن ئاغرىماق، كېزىك تەگمەك:[مىسال:] مەن شۇ يىلى كېزىكلەپ بىر يېرىم ئاي ياتتىم.

كېزىكمەك

  • كېزىكمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۇچراشماق، يولۇقماق:[مىسال:] يول ئۈستىدە، قولىغا بىر تۆمۈر نەيزە تۇتۇپ، ئۈستىگە بىر زۇلپىقار ئاسقان ھالدا، ئون نەچچە ئاتلىقنى ئەگەشتۈرۈپ ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان پالۋان كېزىكتى.

كېزىلمەك

  • كېزىلمەك[يەشمىسى:] «كەزمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئېگىز داۋان ئاشمىغۇنچە مەنزىل كۆرۈنمەس، قارا يورغا مىنمىگۈنچە چۆللەر كېزىلمەس.

كېسەك

  • كېسەك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېلىپ ئارقىلىق ھەر خىل ئۆلچەمدە، تىك تۆت تەرەپلىك شەكىلدە قۇيۇپ قۇرۇتۇلغان، قاتقان لاي، چالما:[مىسال:] كېسەك تام. كېسەك ئۆي.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چالما پارچىسى ياكى قاتقان لاي:[مىسال:] چالما-كېسەك قىلماق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېسەككە ئوخشاش قۇيۇلغان:[مىسال:] كېسەك ئالتۇن.

كېسەكچى

  • كېسەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېسەك قۇيىدىغان ياكى كېسەك قۇيۇشقا ماھىر كىشى:[مىسال:] بۇ كەنتكە خۇمدان قۇرۇلۇشى بىلەن سېغىز دۆڭدە كېسەكچىلەر كۈنسېرى كۆپەيدى.

كېسەكچىلىك

  • كېسەكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېسەك قۇيۇش ئىشى، ئەمگىكى:[مىسال:] كېسەكچىلىك قىلماق. * ئۇنىڭ ئون يىل كېسەكچىلىك بىلەن ئۆتكەن ھاياتى ئۆمۈر تارىخىدا ئۇنتۇلماس بىر ئەسلىمە بولۇپ قالدى.

كېسەل

  • كېسەل[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئورگانىزمنىڭ نورمال پائالىيىتى بۇزۇلغان، ئاغرىغان؛ بىتاپ:[مىسال:] كېسەل كىشى. كېسەل قوي.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورگانىزمنىڭ نورمال ھالىتى بۇزۇلغان، ئاغرىغان كىشى؛ بىمار:[مىسال:] كېسەل يوقلىماق. كېسەل باقماق. * ئۇلار شۇ دوك كېسەلنى ئېلىپ كەلگەنىكەن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورگانىزم نورمال پائالىيىتىنىڭ، سالامەتلىكنىڭ بۇزۇلغان ھالىتى؛ كېسەللىك:[مىسال:] يۈرەك كېسىلى. ئۆپكە كېسىلى. * كېسەلنى يوشۇرسا ئۆلۈمى ئاشكارا بولۇر (ماقال).[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاشلىۋەتكىلى بولمايدىغان، قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئادەت:[مىسال:] كونا كېسەل. بۆشۈكىدە تەگكەن كېسەل.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاتاق، نۇقسان، كاشىلا:[مىسال:] چاقماقجان ئاخىرىدا يۇقىرى بېسىملىق ماي تۇرۇبىسىنى بوشىتىپ، ماينىڭ يۈرۈشمەيۋاتقانلىقىدەك كېسەلنى تاپتى.

كېسەلچان

  • كېسەلچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پات-پات كېسەل بولۇپ تۇرىدىغان، كېسەلمەن:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كېسەلچان ئانىسى كەلدى.

كېسەلچانلىق

  • كېسەلچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ساقسىزلىق:[مىسال:] يېشى 40 قا يەتمىگەن بولسىمۇ كېسەلچانلىقىدىن دوختۇرخانىدىن كېلەلمەيدىغان قاسىم چويۇن ئەمدى تاماكا چەككىلىمۇ دوقمۇشقا چىقىدىغان بولۇپ قالدى.

كېسەلخانا

  • كېسەلخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] دوختۇرخانا، ساناتورىيىلەردىكى كېسەللەر ياتىدىغان ئۆي ياكى بىنا، ياتاق.

كېسەلسىز

  • كېسەلسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېسىلى يوق، كېسەلدىن خالىي، كېسەللەنمىگەن:[مىسال:] تىلىسەڭ كېسەلسىز ئۆمۈر، ئەي تېكىن، ئېتى «ئاز يە» دېگەن دورىنى يېگىن.

كېسەللەنمەك

  • كېسەللەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر كېسەل بىلەن ئاغرىماق، كېسەل بولماق:[مىسال:] تېبابىتىمىزدىمۇ ئىنساننىڭ ساغلام تۇرۇشى ۋە كېسەللىنىشىدە خىلىتلارنىڭ سان-سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگىرىشى ۋە ئۇلارنىڭ بەدەندىكى نىسبىي تەڭكەشلىكىنىڭ بۇزۇلۇشى ئاساسىي سەۋەبلەردىن سانىلىدۇ.

كېسەللىك

  • كېسەللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ساقسىزلىق:[مىسال:] ئۇ چۈش ۋاقىتلاردا پۈتۈن ياتاقلارنى ئايلىنىپ، ھەممە كىشىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سوراپ چىقاتتى.[يەشمىسى:] ② ئورگانىزمدىكى نورمال پائالىيەتنىڭ بۇزۇلۇشى:[مىسال:] دائىم ئۇچرايدىغان كېسەللىك.

كېسەلمەن

  • كېسەلمەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دائىم دېگۈدەك كېسەل بولۇپلا تۇرىدىغان، كېسەلگە يېقىن، تېنى ساغلام ئەمەس، كېسەلچان:[مىسال:] كېسەلمەن بالا. كېسەلمەن كىشى. * دادام قېرىغىنىدا كېسەلمەن بولۇپ قالدى.

كېسەلمەنلىك

  • كېسەلمەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ساقسىزلىق:[مىسال:] ياشانغان، ئورۇق، زەپىراندەك چىرايىدىن كېسەلمەنلىكى چىقىپ تۇرغان بىر ئايال ھارۋا ئالدىدا پەيدا بولۇپ، بالىلارنىڭ ئالدىنى توستى.

كېسىشمەك

  • كېسىشمەك[يەشمىسى:] ① «كەسمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ھەدېسىلا گۈلدۈرلەپ كېلىپ، ئۇ قۇرۇلۇشقا، بۇ قۇرۇلۇشقا دەپ كوللېكتىپنىڭ ئورمانلىرىنى قالايمىقان كېسىشىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئوخشىمىغان يۆنىلىشتە بىر-بىرىگە دۇچ كېلىپ ئۆتۈشمەك:[مىسال:] كېسىشىپ ئۆتكەن يوللار. ئىككى سىزىقنىڭ كېسىشكەن نۇقتىسى.

كېسىك

  • كېسىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېسىلگەن، كېسىۋېلىنغان؛ كەمتۈك:[مىسال:] كېسىك پرامىدا. كېسىك كونۇس. كېسىك شار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تۈز سىزىقنىڭ ئۈستىدىكى خالىغان ئىككى نۇقتا ئارىسىنىڭ چەكلىك قىسمى.

كېسىكلىك

  • كېسىكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېسىلگەن، كېسىپ قويۇلغان:[مىسال:] كېسىكلىك رەخت. كېسىكلىك سىم.

كېسىلمەك

  • كېسىلمەك[يەشمىسى:] «كەسمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مەن مۇشۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى ئورمانلارنىڭ تولا كېسىلىپ كەتكىنىدىن كۆرىمەن.

كېسىم

  • كېسىم[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېسىش، پىچىش ئىشى:[مىسال:] بۇ چاپاننىڭ كېسىمى جايىدا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ، كېسىلگەن ياكى كېسىپ پارچىلانغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر كېسىم نان.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھۆكۈم قىلىدىغان، ھۆكۈملەيدىغان:[مىسال:] كېسىم سۆز. كېسىم جۈملە.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئەنزىلەرگە قاراپ چىقىش جەريانىدا، مەلۇم مەسىلىلەر ئۈستىدە چىقىرىدىغان قارارى:[مىسال:] كېسىم قىلماق. كېسىم ئېلان قىلماق.

كېسىم قىلماق

  • كېسىم قىلماق[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ماجىراسىنى ئۈچىنچى بىر تەرەپ ئوتتۇرىدا تۇرۇپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىختىيارلىقى ئاساسىدا كېڭىشىپ قارار ھاسىل قىلماق.

كېسىمچىلىك

  • كېسىمچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىم ئۆلچەش، كېسىش، تىكىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] دۇكاندا ئۈچ تىكىش ماشىنىسى بولۇپ، ئۈچ كىشى باش كۆتۈرمەي ئىش تىكەتتى. ساھىبخانا ئۇستا بولسا كېسىمچىلىك قىلاتتى.

كېسىندى

  • كېسىندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغاچ، تۆمۈر ياكى قەغەزلەرنى كەسكەندە ھاسىل بولغان قىيىندا.

كېشەك

  • كېشەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تامغا ئورنىتىلىدىغان، ئىشىكنىڭ قانىتى، دېرىزە راملىرى بېكىتىلىدىغان جازا.

كېشەكسىمان

  • كېشەكسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېشەككە ئوخشايدىغان، كېشەك شەكللىك:[مىسال:] كېشەكسىمان شىلىش ئستانوكى.

كېكەچ

  • كېكەچ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] راۋان سۆزلىيەلمەيدىغان، دۇدۇقلايدىغان:[مىسال:] ئۇغۇ شۇنداق، يېقىن، بىراق مەن، مە... مەن... مەتتۇرسۇن بىردىنلا كېكەچ كىشىدەك سۆزلىيەلمەي قالدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شۇنداق ھالەتتە سۆزلەيدىغان ئادەم:[مىسال:] كېكەچ بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن (ماقال).

كېكەچلىك

  • كېكەچلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دۇدۇقلاپ سۆزلەش، كېكەچ ھالەت:[مىسال:] مەن كېكەچلىكنى قانداق تۈزىتىش ھەققىدە نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇغان بولسامما ئۈنۈمى بولمىدى.

كېكەچلەتمەك

  • كېكەچلەتمەك[يەشمىسى:] «كېكەچلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كېكەچلەشمەك

  • كېكەچلەشمەك[يەشمىسى:] «كېكەچلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كېكەچلەنمەك

  • كېكەچلەنمەك[يەشمىسى:] «كېكەچلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

كېكەچلىمەك

  • كېكەچلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] راۋان سۆزلىيەلمەي قالماق، دۇدۇقلىماق:[مىسال:] قاشقىرباي تىلى تۇتۇلۇپ قالغان كىشىدەك كېكەچلىدى.

كېككەيمەك

  • كېككەيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تەكەببۇرلانماق، مەغرۇرلانماق.

كېكىتمە

  • كېكىتمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تەنە، ھەجۋىي، ياپتا گەپ.

كېكىردەك

  • كېكىردەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ① نەپەس يولىنىڭ يۇقىرىقى قىسمى:[مىسال:] كېكىردەك قاپقىقى. كېكىردەك كۆمۈرچىكى.[يەشمىسى:] ② گال، بوغۇز:[مىسال:] كېكىردەكنى ھۆللىمەك.

كېكىردىكى يىرتىلغۇچە

  • كېكىردىكى يىرتىلغۇچە[يەشمىسى:] بار ئاۋازى بىلەن، ناھايىتى قاتتىق:[مىسال:] بالا كېكىردىكى يىرتىلغۇچە توۋلاپمۇ ئۆيدىكىلەرنى ئويغىتالماپتۇ.

كېكىرتمەك

  • كېكىرتمەك[يەشمىسى:] «كېكىرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كاكائولا كېكىرتىپ، تاماقنى سىڭدۈرىدىكەن.

كېكىرمەك

  • كېكىرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئاشقازاندا توپلانغان ھاۋانى ئېغىز ئارقىلىق ئاۋازلىق چىقارماق:[مىسال:] شامال يەپ، بوران كېكىرىپتۇ (ماقال). ئاچ كېكىرەر، توق ئوسۇرار (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تويماق، تويۇپ يانماق:[مىسال:] قېنى كۆرۈپ باقاي دەپ ئۈچ ساندۇق ھەسەل ھەرىسى سېتىۋېلىپ بېقىۋىدىم، ئۆي ئىچى، ئەھلىمەھەللە ھەسەلگە كېكىردى.

كېكىرىشمەك

  • كېكىرىشمەك[يەشمىسى:] «كېكىرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سورۇن تۈزدى بەگ-خېنىملار تۆرنى تالىشىپ، كېكىرىشتى ھەر بارماقنى ئوندىن يالىشىپ.

كېكىرىك

  • كېكىرىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاشقازاندا توپلانغان ھاۋانىڭ ئېغىز ئارقىلىق چىقىشى؛ كىكىرگەندە چىققان ئاۋاز:[مىسال:] بىر كېكىرىك كەلسە تۈزۈلۈپ كېتەتتىم.

كېڭەش

  • كېڭەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش ھەققىدىكى پىكىر، يوليورۇق، مەسلىھەت:[مىسال:] ئۇ: ئەمدى مەن سىزگە قانداق كېڭەش بېرەلەيمەن، دېدى.[يەشمىسى:] ② ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىش ۋە پىكىرلىشىش ئاساسىدىكى مۇزاكىرە ۋە شۇنداق مۇزاكىرە يىغىنى، يىغىلىش:[مىسال:] كېڭەش بىلەن پىچىلغان تون قىسقا بولماس (ماقال). * كېڭەشتە ئولتۇرغانلار بۇ ھەقتە ئويلاپ كۆرمىگەچكە، دەرھال بىرنېمە دېيەلمىدى.[يەشمىسى:] ③ جەمئىيەت، سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھ ۋەكىللىرىنىڭ مەسلىھەتلىشىش، كېڭىشىش يىغىنى ۋە بۇ يىغىننىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى:[مىسال:] جۇڭگو خەلق سىياسىي كېڭىشى. * مەن كېڭەشنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھازىردىن باشلاپ ھەرىكەت قىلىشىڭلارنى سورايمەن.

كېڭەشچى

  • كېڭەشچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەسلىھەتچى، مەسلىھەت بەرگۈچى، كېڭەشكۈچى:[مىسال:] نېمىشقا كېڭەشچىلەرنىڭ مەسلىھەتلىرى بويىچە ئىش قىلمايلا

كېڭەشسىز

  • كېڭەشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېڭەش قىلىنمىغان، مەسلىھەتلىشىلمىگەن:[مىسال:] ڭېڭەشسىز ئىش تازا ئىشەنچىلىك بولمايدۇ.

كېڭەشلىك

  • كېڭەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېڭەش ۋە مەسلىھەت بىلەن قىلىنغان؛ كېڭىشىپ، مەسلىھەتلىشىپ قىلىنىدىغان:[مىسال:] كەڭ تون يىرتىلمايدۇ، كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلمايدۇ.

كېڭەشمە

  • كېڭەشمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېڭىشىش، كېڭەش:[مىسال:] ۋاقىتلىق شتاب ئۆيى قىلىنغان كىگىز ئۆيدە پولك باشلىقلىرى جىددىي كېڭەشمە ئۆتكۈزۈۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېڭىشىش ئارقىلىق بولىدىغان:[مىسال:] كېڭەشمە سوت. كىڭەشمە سودا.

كېڭەشمەك

  • كېڭەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرلىكتە مۇزاكىرىلەشمەك، ئۆزئارا مەسلىھەتلەشمەك:[مىسال:] ئۇلار بىرئاز كېڭەشكەندىن كېيىن بىر پىكىرگە كەلدى.[يەشمىسى:] ② ئۆزىنى چاغلاپ، مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ ئىش قىلماق؛ ئۆزىنى توختاتماق:[مىسال:] ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش، خوتۇن ئالساڭ يىل كىڭەش (ماقال).

كېڭەيتمەك

  • كېڭەيتمەك[يەشمىسى:] ① «كېڭەيمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئۆتكەن يىلى يازدا ھويلىسىدىكى بوتكا ئۆينى بۇزۇپ 15 — 20 ئادەم سىغقۇدەك قىلىپ كېڭەيتىپ سالدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئومۇملاشتۇرۇپ قوللانماق:[مىسال:] بۇ ئۇسۇلنى پۈتۈن مەيدانغا كېڭەيتىش كېرەك.

كېڭەيتىشمەك

  • كېڭەيتىشمەك[يەشمىسى:] «كېڭەيتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئۇرۇقنى بۇ خىل ئۇسۇلدا تاللاش تەجرىبىلىرىنى ئورۇنلىرىدا كېڭەيتىشتى.

كېڭەيتىلمەك

  • كېڭەيتىلمەك[يەشمىسى:] «كېڭەيتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ئۇرۇقلۇق بۇ يىل بەش مو يەرگە كېڭەيتىلدى.

كېڭەيمەك

  • كېڭەيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سىغىمچانلىقى، كۆلىمى، دائىرىسى ئاشماق، چوڭايماق؛ كەڭ بولماق:[مىسال:] يول كېڭەيدى. نەزەر دائىرىمىز كېڭەيدى. ئۇنىڭ چېكە تومۇرلىرى كۆپۈپ، بۇرنىنىڭ تۆشۈكى كېڭەيدى.[يەشمىسى:] ② ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلەرنىڭ سانى ئاشماق، كۆپەيمەك:[مىسال:] بۇ مەكتەپتە پىئونېرلار تەشكىلاتى قوشۇنى خېلى زور كېڭەيدى.

كېڭەيمىچى

  • كېڭەيمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىش ھېسابىغا ئۆز دائىرىسىنى كېڭەيتكۈچى، تاجاۋۇزچى:[مىسال:] سامانىيلارنىڭ كېڭەيمىچى خانى نۇھⅡئىبنى مەنسۇر دەۋرىگە كەلگەندە تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشقان كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىنى يۈرگۈزدى.

كېڭەيمىچىلىك

  • كېڭەيمىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەربىي، ئىقتسادىي ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ ئاجىز، كۈچسىز دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىش، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتى، تاجاۋۇزچىلىق.

كېڭىيىش

  • كېڭىيىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دائىرىسى، سىغىمچانلىقى ئېشىش، چوڭىيىش.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى ياكى باشقا ئامىللار تۈپەيلىدىن، جىسىم ئۇزۇنلۇقى ياكى ھەجمىنىڭ ئېشىشى:[مىسال:] كېڭىيىش كوئېففىتسېنتى.

كېلەپ

  • كېلەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مالنى سەمرىتىدىغان بىر خىل ئوت.

كېلەچەك

  • كېلەچەك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھازىرقى پەيتتىن كېيىن كېلىدىغان، كەلگۈسىدىكى:[مىسال:] ئەينى ۋاقىتتىكى پەۋقۇلئاددە شارائىتتا سىزنىڭ كېلەچەك ئىستىقبالىڭىزنى نەزەردە تۇتۇپ ئاچاممۇ سىزگە خەت يازماپتۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھازىرقى پەيتتىن كېيىن كېلىدىغان ۋاقىت، دەۋر؛ كەلگۈسى:[مىسال:] كېلەچەككە بولغان ئىشەنچ-ئۈمىدىنى ئۇرغۇتماق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەلگۈسىدىكى ھايات، ئىستىقبال، تەقدىر:[مىسال:] توغرى يولدا ماڭغانلارغا خەۋپ-خەتەر يوق، كېلەچىكى سائادەتلىك مەڭگۈ كۆڭلى توق

كېلەچەكشۇناس

  • كېلەچەكشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېلەچەكنى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىس.

كېلەچەكشۇناسلىق

  • كېلەچەكشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېلەچەكنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

كېلەرⅠ

  • كېلەرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۆرەلگۈچى ھايۋان. شەكلى تام پاتمىچۇقىغا ئوخشايدۇ، لېكىن چوڭ، بېشى يوغان، دۈمبە تەرىپى كۈل رەڭ ھەم قىزىل رەڭلىك سەپكۈنلىرى بولىدۇ، پاشا، چىۋىن قاتارلىق ھاشاراتلارنى يەيدۇ، تېبابەتچىلىكتە ئۇنىڭدىن قۇۋۋەت دورىسى ياسىلىدۇ.

كېلەرⅡ

  • كېلەرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھازىرقىدىن كېيىنكى، كېيىن كېلىدىغان:[مىسال:] كېلەر نۆۋەت، كېلەر قېتىم. * سەلىمىخانلار توينى كېلەر ھەپتىدە قىلىۋەتسەك دەپ ئەلچى ئەۋەتىپتۇ.

كېلەركى

  • كېلەركى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېيىن كېلىدىغان، كېيىنكى، كېلەر:[مىسال:] كېلەركى سايلامغا قارىمايلا مېنى ھاكىملىقتىن ئېلىپ تاشلىشىدۇ.

كېلەڭسىز

  • كېلەڭسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قەددى-قامىتى، تۇرقى كېلىشمىگەن، قوپال:[مىسال:] مەخسۇت بەگ كېلەڭسىز بەستىنى تەستە كۆتۈرۈپ، سەكرەپ ئورنىدىن تۇردى.[يەشمىسى:] ② ئىخچام، يىغىنچاق ئەمەس:[مىسال:] كېلەڭسىز ئاپپارات. * ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا ئەگمە ساپلىق كېلەڭسىز بىر سېۋەت بار ئىدى.

كېلەڭسىزلەشمەك

  • كېلەڭسىزلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كېلەڭسىز ھالەتكە كەلمەك، بارغانسېرى كېلەڭسىز بولماق:[مىسال:] ھاممالنىڭ يۈكى بىرىنچىدىن ناھايىتى ئېغىر، ئىككىنچىدىن بەكمۇ كېلەڭسىزلىشىپتۇ.

كېلەڭسىزلىك

  • كېلەڭسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېلەڭسىز ھالەت، قوپاللىق:[مىسال:] «ئورۇق ئۇيغا يوغان مۈڭگۈز» دېگەندەك، تۆت ئېغىزلىق ئۆيدە كېلەڭسىزلىك ھېس قىلىپ، باغقا قارايدىغان كىچىكرەك بىر ئۆيگە چىقىۋالغانىدىم.

كېلۋىن

  • كېلۋىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] مۇتلەق تېمپېراتۇرا بىرلىكى. ئەنگلىيە فىزىكا ئالىمى ۋىللىيام تامسوم (كېلۋىن)نىڭ نامىغا بېرىلگەن. سۇنىڭ ئۈچلۈك نۇقتىسى (سۇيۇق، گاز، مۇز) گرادۇسىنىڭ [SX(]1[]372.61[SX)] قىسمىغا تەڭ. ئادەتتە «°k» بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ.

كېلىش

  • كېلىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] بەزى تىللاردىكى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىم ۋە ئىسىم خاراكتېرلىك سۆزلەردە بولىدىغان بىر خىل گرامماتىكىلىق كاتېگورىيە. ئادەتتە سۆزلەرگە ئۇلىنىش ئارقىلىق شۇ سۆزنىڭ باشقا سۆزلەر بىلەن بولغان گرامماتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرىدۇ. ئەنئەنىۋى گرامماتىكىمىز بويىچە، بىزنىڭ تىلىمىزدا باش كېلىش، ئىگىلىك كېلىش، چۈشۈم كېلىش، يۆنىلىش كېلىش، ئورۇن-پەيت كېلىش ۋە چىقىش كېلىشتىن ئىبارەت ئالتە كېلىش بار.

كېلىشەڭگۈ

  • كېلىشەڭگۈ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېلىشكەن، جايىدا، قاملاشقان:[مىسال:] ئاددىي بولسىمۇ رەتلىك كىيىنگەن، يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغىنىغا قارىماي، روھى تېتىك، كېلىشەڭگۈ بىر ئادەم ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كەلدى.

كېلىشەلمەسلىك

  • كېلىشەلمەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىقىشالماسلىق، ماسلىشالماسلىق:[مىسال:] ئۇلارنىڭ كېلىشەلمەسلىكىدىكى سەۋەبنى سىلەر بىلمەيسىلەر.

كېلىش-بېرىش

  • كېلىش-بېرىش[يەشمىسى:] بىر-بىرىنىڭكىگە كېلىپ-بېرىپ تۇرۇش، ئۆزئارا باردى-كەلدى مۇناسىۋەت، ئالاقە:[مىسال:] كېلىش-بېرىش قىلماق. * ئۇلارنىڭ كېلىش-بېرىشى خېلى قويۇق ئىدى.

كېلىشتۈرگۈچى

  • كېلىشتۈرگۈچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىقىشالمىغان، تالاش-تارتىش قىلغان ئىككى تەرەپنى ھەم سودىدا ساتارمەن بىلەن ئالارمەننى ئەپلەشتۈرگۈچى كىشى.

كېلىشتۈرمەك

  • كېلىشتۈرمەك[يەشمىسى:] «كېلىشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مانا، مانا بۇنى ناھايىتى كېلىشتۈرۈپ ئېيتتىڭىز-دە، سېكرىتار، دېدى تۇردى.

كېلىشتۈرمىچىلىك

  • كېلىشتۈرمىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① چىقىشالمىغان، تالاش-تارتىش قىلغان تەرەپلەرنى ئەپلەشتۈرۈپ (كېلىشتۈرۈپ) قويۇش.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئوخشاش بولمىغان تۈرلۈك پىكىر ئېقىملىرى، نۇقتىئىنەزەرلەر ۋە نەزەرىيىلەرنى پرىنسىپسىز، مېخانىكىلىق ھالدا بىر قىلىپ قوشۇش.

كېلىشتۈرۈشمەك

  • كېلىشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «كېلىشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كېلىشتۈرۈلمەك

  • كېلىشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كېلىشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ كىتابتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆز قاراشلىرى ناھايىتى مۇۋاپىق ھالدا تونۇشتۇرۇلغان ۋە كېلىشتۈرۈلگەن.

كېلىشكەن

  • كېلىشكەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قامىتى، تەقى-تۇرقى جايىدا؛ چىرايلىق؛ قاملاشقان، پىچىملىق:[مىسال:] كېلىشكەن يىگىت. * بۇ ئاتنىڭ كۆرۈنۈشى ئاجايىپ، ئاياغلىرى ئاق، ئۆزى كېلىشكەن، كۆكسى كەڭ ئىدى.

كېلىشمەسلىك

  • كېلىشمەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈتۈلمىگەن ئۇڭۇشسىزلىق، پېشكەللىك، پالاكەت:[مىسال:] بۈگۈن كىرگەن كىشى ئۈرۈمچىدە بىر ئىدارىدە باشلىق ئىكەن، يېقىندا كېلىشمەسلىك بولۇپ بويتاق بولۇپ قاپتۇ.

كېلىشمەك

  • كېلىشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «كەلمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئېرىق بويىچە ئولتۇرغان كىشىلەر كېلىشتى.[يەشمىسى:] ② بىرلىككە كەلمەك، پۈتۈشمەك:[مىسال:] ئۇلار باھادا ئوڭايلا كېلىشىپ قالدى.[يەشمىسى:] ③ ماس كەلمەك، قاملاشماق:[مىسال:] مەن بۈگۈن جاڭگالغا كېتىۋېتىپ بىر قوشاق توقۇپ باقسام خېلى كېلىشىپ قالدى.[يەشمىسى:] ④ چىقىشماق:[مىسال:] بۇ ئىككىسى خېلى كېلىشىپ قالدى.

كېلىشىم

  • كېلىشىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ تۈزۈلگەن ياكى بىرلىككە كەلگەن پىكىر، خۇلاسە، قارار، بىتىم ۋە شەرتنامە قاتارلىقلار:[مىسال:] سودا كېلىشىمى. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى. كېلىشىم ھاسىل قىلماق.

كېلىشىملىك

  • كېلىشىملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاملاشقان، كېلىشكەن، چىرايلىق:[مىسال:] كىشىلەر ئۇنىڭغا دەسلەپ شۇنىڭ ئۈچۈن ھېرىسمەن بولغانىدىكى، چوڭ-كىچىكنىڭ پەرىزىدە گويا ئۇ كېلىشىملىك بەستىگە مۇناسىپ ھالدا بۇلبۇل كەبى ناخشىچى ئىدى.

كېلىشىمنامە

  • كېلىشىمنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزئارا كېلىشىپ بىرلىككە كېلىنگەن پىكىر ۋە قارارلارنىڭ يازما بايانى؛ توختام، كېلىشىم.

كېلىم-كېتىم

  • كېلىم-كېتىم[يەشمىسى:] كەلدى-كەتتى، كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغانلار:[مىسال:] بارا-بارا ئۆي ئىچىدە كېلىم-كېتىم، گەپ-سۆز كۆپىيىشكە باشلاپتۇ.

كېلىن

  • كېلىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئوغلىنىڭ خوتۇنى (ئاتا-ئانىغا نىسبەتەن):[مىسال:] قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا (ماقال). * كېلىنىڭنى كەلگەندە كۆر، بۆكنى كىيگەندە كۆر (ماقال).[يەشمىسى:] ② تويى بولۇۋاتقان قىز:[مىسال:] كېلىن يۆتكىمەك.

كېلىنلىك

  • كېلىنلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېلىن ئەكىرگەن:[مىسال:] ناسىرئاخۇن ئوغۇللىرىنى ئۆيلەپ كېلىنلىك بولدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توي قىلىپ، كېلىن بولۇپ ئۆتۈش ۋە شۇنداق تۇرمۇش:[مىسال:] غۇنچىنى كۈنداشلىققا ئەمەس، كېلىنلىككە دەپ قولغا چۈشۈرىمىز، ئىش تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ، دېدى شەرۋان.

كېلىنمەك

  • كېلىنمەك[يەشمىسى:] «كەلمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] داستىخان سېلىنىپ ئەتىگەنلىك چاي ئۈچۈن دەملەپ قويۇلغان چاي ئېلىپ كېلىندى.

كېمە

  • كېمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] سۇدا ماڭىدىغان، يۈك توشۇش، بېلىق تۇتۇش ياكى ھەر خىل مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇلما.

كېمەيتكۈچى

  • كېمەيتكۈچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئېلىش ئەمىلىدىكى ئېلىۋېتىلىدىغان سان. مەسىلەن، 6-4=2 دىكى 4 كېمەيتكۈچى دېيىلىدۇ.

كېمەيتىشمەك

  • كېمەيتىشمەك[يەشمىسى:] «كېمەيتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كېمەيتىلمەك

  • كېمەيتىلمەك[يەشمىسى:] «كېمەيتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تۆت توننا مال تاپشۇرمىساق، شەرت بويىچە ئالىدىغان ھەققىمىز % 30 كېمەيتىلىدۇ.

كېمەيتمەك

  • كېمەيتمەك[يەشمىسى:] «كېمەيمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يازلىق تېرىلغۇ پىلانىڭلارنى بىر ھەسسە كېمەيتسەك قانداق دەيسەن

كېمەيگۈچى

  • كېمەيگۈچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بىر ساندىن يەنە بىر سان ئېلىۋېتىلگەندە، ئەسلىدىكى سان كېمەيگۈچى بولىدۇ. مەسىلەن، 7-5=2 دىكى 7 بولسا كېمەيگۈچى.

كېمەيمەك

  • كېمەيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مىقدارى ياكى ھەجمى جەھەتتىن ئازايماق، كەم بولماق:[مىسال:] موللا زەيدىن ۋاڭنىڭ قىزى ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپلا:[مىسال:] «قانداقلا بولسا بىر ئەسكى كېمىيىپتۇ» دېگەنىدى.[يەشمىسى:] ② كۈچى، تەسىرى ئازىيىشقا، يوقىلىشقا باشلىماق:[مىسال:] شۇ كۈندىن باشلاپ قەيسەرنىڭ ئۇيقۇسى كېمەيدى، تامىقى ئازايدى.

كېمىچى

  • كېمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېمە ھەيدىگۈچى كىشى.

كېمىچىلىك

  • كېمىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېمە ھەيدەش بىلەن شۇغۇللىنىش، كېمە ھەيدەش كەسپى.

كېمىر

  • كېمىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① غارسىمان ئويۇقچە جاي.[يەشمىسى:] ② ئۈستى گۈمبەز شەكلىدە ئەگمە قىلىپ يېپىلغان ئۆي:[مىسال:] كېمىر ئۆي.

كېمىرلەنمەك

  • كېمىرلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پۇچۇلماق، يېيىلمەك.

كېمىرمەك

  • كېمىرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غاجىلاپ، قىرىپ يېمەك.

كېمىساز

  • كېمىساز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېمە ياساش بىلەن شۇغۇللانغۇچى شەخس ياكى مۇشۇنداق ساھە.

كېمىسازلىق

  • كېمىسازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېمە ياساش كەسپى ۋە كېمە ياساش ھەققىدىكى ئېلىم.

كېمىيىشچان

  • كېمىيىشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېمىيىپ بارىدىغان، كېمىيىدىغان:[مىسال:] كېمىيىشچان ھەرىكەت.

كېنگۇرۇ

  • كېنگۇرۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. ئالدى پۇتى قىسقا ۋە كىچىك، ئارقا پۇتى ئۇزۇن ھەم چوڭ. سەكرەشكە ماھىر، قۇيرۇقى توم كېلىدۇ. چىشىسىنىڭ قورساق قىسمىدا تېرە خالتىسى بولۇپ، بالىلىرىنى شۇنىڭ ئىچىگە سېلىۋالىدۇ. يېشىل ئوت-چۆپلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئاۋىسترالىيىگە كەڭ تارالغان.

كېنىزەك

  • كېنىزەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[خان.[يەشمىسى:] خان، پادىشاھ سارايلىرىدىكى خىزمەتكار قىز.

كېۋەز

  • كېۋەز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تۈگمىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى ئاچ سېرىق، مېۋىسىنىڭ شەكلى ياڭاققا ئوخشايدۇ، ئىچىدە ئاق رەڭلىك تالا (پاختا) بىلەن قوڭۇر رەڭلىك ئۇرۇقى (چىگىتى) بولىدۇ. تالاسى توقۇمۇچىلىق سانائىتىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇقىدىن ماي تارتقىلى، مېيىنى ئىستېمال قىلغىلى ۋە سانائەتكە خام ئەشيا قىلغىلى بولىدۇ.

كېۋەزلىك

  • كېۋەزلىك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كېۋەز تېرىلغان يەر، ئېتىز.

كېيىك

  • كېيىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بۇغا-مارالنىڭ ئومۇمىي نامى.

كېيىكئوت

  • كېيىكئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كېيىك+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىدىن كۈچلۈك يالپۇز پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ، يىلتىزىنىڭ يەر ئۈستىدىكى قىسمى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك ئېغىش، سۆڭەڭ يۇمشاپ كېتىش ۋە ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللەرگە شىپالىق رولى بار.

كېيىن (كەينى)

  • كېيىن (كەينى)[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىرئاز ياكى مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ، سوڭرە:[مىسال:] شىرمەھەممەت قىسمەت چورۇقنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ ئاۋۋال توختىئاخۇننىڭ ئۆيىگە، كېيىن رايونلۇق پارتكوم بىناسىغا كىردى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] (چىقىش كېلىش قوشۇمچىسىدىن كېيىن) سوڭرە:[مىسال:] يىغىندىن كېيىن ئەترەت ھەيئەتلىرى بىلەن مېنىڭ ياتىقىمدا ئازراق باش قوشۇلماقچى بولدۇق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] چىقىش كېلىشتىكى پۈتكەن ھاللىق ئۈزەكتىن كېيىن كېلىپ ھالەت بېقىندى جۈملە بىلەن باش جۈملىنى باغلاش رولىنى ئوينايدۇ.

كېينچە

  • كېينچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا، كەلگۈسىدە:[مىسال:] دەسلەپتە ئۆرپ-ئادەت بولۇپ ئىپادىلەنگەن بۇ قائىدە كېيىنچە قانۇن بولۇپ قالدى.

كېيىنكى

  • كېيىنكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① باشقىلارغا نىسبەتەن كەينىدە، ئارقىدا تۇرغان؛[مىسال:] كەينى تەرەپتىكى، كەينى تەرەپكە جايلاشقان:[مىسال:] كېيىنكى قاتار. كېيىنكى بەت. * ئەركىننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىزلەر.[يەشمىسى:] ② ئاخىرقى؛ قالغان:[مىسال:] كېيىنكى ئىمتىھان. كېيىنكى كۈنلەردە. * ئۇ كېيىنكى ئۆمرىنى قەشقەردە ئۆتكۈزدى.

كېيىنلىك

  • كېيىنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەلگۈسىدىكى ھايات، كېلەچەك، تەقدىر:[مىسال:] دانىشمەن كىشى ھازىرقىغا قاراپ كېلەچەكنى ئالدىدىن كۆرەلەيدۇ، بىز كېيىنلىكىمىزنى ئويلىشىمىز لازىم.

كى

  • كى[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئاساسەن شېئىرىي ئەسەرلەردە كېلىپ «شۇنداق قىلىپ، نەتىجىدە» دېگەن مەنىدە سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىدىكى ئىككى جۈملىنى باغلايدۇ:[مىسال:] چېپىشتى ئارغىماقلار مۇشۇ يولدا، قىلىچ-قالقانلار جەۋلان قىلدى قولدا. ئۇلار شىردەك ئېتىلدى ياۋغا گويا، كى ئۇيغۇر قۇدرىتىنى كۆردى دۇنيا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] بېقىندۇرغۇچى جۈملىنىڭ ئاخىرىدا كېلىپ بېقىندى جۈملىنى بېقىندۇرغۇچى جۈملىنىڭ مەلۇم بۆلىكى بىلەن باغلايدۇ:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنى شۇنداق چوڭ تۇتىدۇكى، ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنى كۆزىگە ئىلمايدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] تەكت ۋە كۈچەيتىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] دۈشمەن قارشى تۇرغانلىكى نەرسىنى بىز ھىمايە قىلىشىمىز لازىم.

كىئانىت

  • كىئانىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. خىمىيىلىك تەركىبى .Al2[SiO4]O ئەينەك پارقىراقلىقىغا ئىگە. ئادەتتە ئالىي دەرىجىدىكى ئوتقا چىداملىق ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە «زەڭگەر شىپات» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

كىبېرنېتىكا

  • كىبېرنېتىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاپتوماتىك ماشىنىلارنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش ھەققىدىكى نەزەرىيىۋى پەن. ئادەتتە ئۇ ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش ۋە ئېلېكترونىكا ئاساسىدا ئۇچۇرلارنىڭ، ماشىنىلارنىڭ ئاپتوماتىك سىستېمىسى، ھايۋان ياكى ئادەم تېنىدە يەتكۈزۈلۈشىگە ئوخشاش ئومۇمىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ.

كىبىرⅠ

  • كىبىرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، مەغرۇرلۇق:[مىسال:] قانائەت ۋە كىبىر بىزنىڭ ئالغا بېسىش يولىمىزدىكى پۇتلىكاشاڭ.[يەشمىسى:] ② مەغرۇر تاشقى قىياپەت، سالاپەت:[مىسال:] قارا ئۇنىڭ شۇجىلىق كىبرىنى ئۇ كىم، مەن كىم؟

كىبىرⅡ

  • كىبىرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «كەپەⅡ»گە قاراڭ.

كىبىرسىز

  • كىبىرسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىبرى، چوڭچىلىقى يوق؛ تەكەببۇر ئەمەس:[مىسال:] يوقسۇل ئەللەر ھەردەم ساڭا تەلپۈنەر، ئېزىلگەندە غەمگۇزارسەن، يۆلەكسەن. بۈيۈكسەنكى كىبىرسىز سەن جاھاندا، مەزلۇملارغا ئۇلۇغ كىگانت تىرەكسەن.

كىبىرلەنمەك

  • كىبىرلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزىنى چوڭ تۇتماق، چوڭچىلىق قىلماق:[مىسال:] كىبىرلەنمە، تېخى تۇنجى سەپەرگە ئات سېلىپ چىقتىڭ، ئېتىڭغا قامچا، يۈگەندۇر، يولۇڭغا تۇغ گويا ئەخلاق.

كىبىرلىك

  • كىبىرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، كىبىرلەنگەن، تەكەببۇر:[مىسال:] نىزام ئاتىسىنىڭ گۆشلۈك ۋە پارقىراپ تۇرغان چىرايىغا، بىغەم ۋە كىبىرلىك ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىگە ئېچىنىش بىلەن بىر پەس تىكىلىپ تۇردى.

كىپ

  • كىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لائۇسنىڭ پۇل بىرلىكى.

كىپارىس

  • كىپارىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئارچا ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. ئېگىزلىكى 30 مېتىرغا يېتىدۇ، شاخلىرى ئىنچىكە بولۇپ پەسكە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. يوپۇرمىقى تەڭگىچە شەكىللىك ۋە كىچىك ئۇچى ئۇچلۇق، مېۋىسى يۇمىلاق، ئۇرۇقى قاسىراقسىمان بولىدۇ، پىشقاندا يېرىلىدۇ. ياغىچى سارغۇچ قوڭۇر، پۇراقلىق كېلىدۇ. ئۇنى قۇرۇلۇشقا، كېمىسازلىققا ياكى ئۆي جابدۇقلىرىنى ياساشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

كىپت

  • كىپت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① يەلكە:[مىسال:] كىپتى چوڭ. كىپتىگە ئالماق.[يەشمىسى:] ② تۇرق، قىياپەت:[مىسال:] بەستلىك، ئېگىز بوي كەلگەن، توم قارا قاش، كالتە بۇرۇتى، قاڭشارلىق بۇرنى ۋە يۈزىنىڭ كىپتىگە ياراشقان تەمكىن بىر كىشى ئانىنىڭ ئالدىغا كەلدى.

كىت

  • كىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تۈرلىرى كۆپ، دېڭىز-ئوكيانلاردا ياشايدۇ، تۇغۇپ كۆپىيىدۇ. تەن شەكلى بېلىققا ئوخشايدۇ، تەن ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىردىن ئارتۇق كېلىدۇ، ھازىرقى زامان ھايۋانلىرىنىڭ ئەڭ چوڭلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى ئايىغى پالاققا ئايلانغان، ئارقا ئايىغى رودېمېنتلاشقان، قۇيرۇقى قۇيرۇق پالاقچىسىغا ئايلانغان. بۇرۇن تۆشۈكى بېشىنىڭ ئۈستىدە، ئۆپكىسى ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ. گۆشىنى يېيىشكە بولىدۇ. يېغى دورىگەرلىكتە ۋە سانائەتتە ئىشلىتىلىدۇ.

كىتا

  • كىتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل بېلىق. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 70 — 90 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئېغىزى چوڭ، تەڭگىچىسى كىچىك. ئۇلۇغ ئوكياننىڭ شىمالىدىكى دېڭىزلاردا ياشايدۇ. قىلتىرىقى ئاز، گۆشى مەززىلىك.

كىتاب

  • كىتاب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تۈپلەنگەن ياكى مۇقاۋىلانغان باسما ياكى يازما ئەسەرلەر:[مىسال:] كونا كىتاب. ئەرەبچە كىتاب.

كىتابباز

  • كىتابباز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارىغۇلارچە كىتابىي ئىبارىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ، ئۇنى كۆتۈرۈپ چىققۇچى كىشى.

كىتاببازلىق

  • كىتاببازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان، قارىغۇلارچە كىتابىي ئىبارىلەرگە ياكى يۇقىرىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئېسىلىۋالىدىغان بىر خىل خىزمەت ئىستىلى. ئۇ سۇبيېكتىپچىلىقنىڭ بىر خىل ئىپادىسى.

كىتابپەرەس

  • كىتابپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىتاب دېسە ھەممىدىن كېچىدىغان، كىتابقا بېرىلىپ كەتكەن:[مىسال:] رەيھان پەرھاتنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش كىتابپەرەس بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

كىتابپەرەسلىك

  • كىتابپەرەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىتابقا بېرىلىپ كېتىش، كىتاب ئۈچۈن ھەممىدىن كېچىش ئادىتى:[مىسال:] كىتابپەرەسلىك ئۇنىڭ ياشلىقىدىكى بىر قىزىقىشتىن ئىبارەت بولغان قىسقا بىر جەريانىدى.

كىتابپۇرۇش

  • كىتابپۇرۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] كىتاب ساتقۇچى كىشى:[مىسال:] ئۇستازىم شەمشىدىننىڭ موللا دانىش ئىسىملىك كىتابپۇرۇش دوستى بار ئىدى.

كىتابپۇرۇشلۇق

  • كىتابپۇرۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىتاب سېتىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] كىتابپۇرۇشلۇق قىلماق.

كىتابچە

  • كىتابچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك كىتاب.

كىتابخان

  • كىتابخان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] كىتاب ئوقۇغۇچى.

كىتابخانا

  • كىتابخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كىتابلار سېتىلىدىغان ئورۇن:[مىسال:] ناھىيىلىك شىنخۇا كىتابخانىسى.[يەشمىسى:] ② پايدىلىنىدىغان ھەر خىل كىتابلار تىزىپ قويۇلغان مەخسۇس ئۆي.

كىتابخانلىق

  • كىتابخانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىتابقا بېرىلىش، كىتابخۇمارلىق:[مىسال:] دادام كىتابخانلىقتا ئاڭلىغانلىرىنى بىزگە كېلىپ بىرىنى قويماي سۆزلەپ بېرەتتى.

كىتابخۇمار

  • كىتابخۇمار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىتاب ئوقۇشقا ئامراق، كىتابتىن باش كۆتۈرمەيدىغان:[مىسال:] كىتابخۇمار قىز.

كىتابخۇمارلىق

  • كىتابخۇمارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىتابقا بولغان ئامراقلىق:[مىسال:] دادىسىنىڭ كىتابخۇمارلىقى كىچىكىدىنلا سۈپۈرگە ئاخۇنغا ئۆز تەسىرىنى سىڭدۈرۈپ ئۈلگۈرگەنىدى.

كىتابۇللا

  • كىتابۇللا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئاللانىڭ كىتابى، قۇرئان.

كىتابىي

  • كىتابىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئادەتتىكى سۆزلىشىشتە كۆپ قوللىنىلمايدىغان، كىتاب تىلى ياكى يازما نۇتۇققا ئائىت بولغان:[مىسال:] كىتابىي سۆز.

كىتە

  • كىتە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوينىڭ ئىستېمال قىلىنىدىغان چوڭ ئۈچىيى. ئۇ يەنە «ياغلىق ئۈچەي» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

كىتە-مىتە

  • كىتە-مىتە [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۇششاق-چۈششەك، پارچە-پۇرات ئىشلار.

كىتسىمان

  • كىتسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىتكە ئوخشايدىغان، كىت شەكىللىك:[مىسال:] كىتسىمان لەھەڭ.

كىت-كىت

  • كىت-كىت[يەشمىسى:] ئىتنىڭ كۈچۈكىنى چاقىرىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.

كىتىر

  • كىتىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قەلەم بىلەن قەغەزگە خەت يېزىشتىن ياكى چاشقان قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ نەرسىلەرنى غاجىلىشىدىن چىققان ئاۋاز.

كىتىر-كىتىر

  • كىتىر-كىتىر[يەشمىسى:] «كىتىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ساقدۇق ئىچىدىن «كىتىر-كىتىر» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى.

كىتىرلاتماق

  • كىتىرلاتماق[يەشمىسى:] «كىتىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كاتىپلار بولسا گەپنىڭ زىر-زەۋىرىنى قالدۇرماي يېزىپ، قەلەملىرىنى كىتىرلاتماقتا ئىدى.

كىتىرلاشماق

  • كىتىرلاشماق[يەشمىسى:] «كىتىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كىتىرلىتىشماق

  • كىتىرلىتىشماق[يەشمىسى:] «كىتىرلاتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كادىر دېگەننىڭ ھەممىسى گەپ ئۆتمەيدىغان قوش قوۋۇرغا كېلەمدىكىن-تاڭ، تېخى كىتىرلىتىشىپ دەپتىرىگە پۈتۈشۈپ كېتىدۇ.

كىتىرلىماق

  • كىتىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «كىتىر-كىتىر» قىلماق، «كىتىر-كىتىر» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق:[مىسال:] ئەۋرەز تېگىدە كىمدۇر كىتىرلاۋاتقاندەك قىلدى.[يەشمىسى:] ② ئاستا، توختىماي ھەرىكەت قىلماق:[مىسال:] غوجا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئورۇنلۇق دەپ بىلىپ يېرىم كېچىگىچىلىك كىتىرلاپ يۈرۈپ، گۆش پىشۇرغۇزدى.

كىچىك

  • كىچىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ھەجمى، ئۆلچىمى، دائىرىسى چوڭ بولمىغان:[مىسال:] كىچىك باغ. * كۆز كىچىك بولسىمۇ كۆرىدىغىنى چوڭ (ماقال).[يەشمىسى:] ② ياش جەھەتتىن تۆۋەن، ياش:[مىسال:] ئوغۇللار ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىك بولغان قەيسەرگە ھەممەيلەن ئامراق ئىدى. ∥ كىچىكى يەنە بىر سەكرەپلا ھارۋىغا چىقتى-دە، يۈك-تاقلىرىمنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەجرىبە-ساۋاققا ئىگە بولمىغان، نادان:[مىسال:] ھەي تېخى سىز كىچىك ئىكەنسىز، دىۋە بىلەن ئويناشقىلى بولمايدۇ، يولىڭىزغا قايتىڭ، دەپتۇ بوۋاي شاھزادىگە.[يەشمىسى:] ④ ۋەزىپە، ئەمەل جەھەتتىن يۇقىرى بولمىغان:[مىسال:] بۈگۈن چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى بار.[يەشمىسى:] ⑤ قاتناشچىلىرى ئاز، داغدۇغىسى، ھەشەمىتى ئانچە زور ئەمەس:[مىسال:] كىچىك سورۇن. كىچىك يىغىن.[يەشمىسى:] ⑥ ئانچە ئەھمىيىتى، زۆرۈرىيىتى بولمىغان؛ ئاددىي:[مىسال:] كىچىك ئىشنى قىلالمىغان ئادەم، چوڭ ئىشنىمۇ قىلالمايدۇ.

كىچىك پېئىل

  • كىچىك پېئىل[يەشمىسى:] ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن، كەمتەر تۇتىدىغان؛ كەمتەر:[مىسال:] مەھزۇنى مەكتۇبىدىن سۆيۈندى ئۇ، ماڭا بەك كىچىك پېئىل كۆرۈندى ئۇ.

كىچىك تەرەت

  • كىچىك تەرەت[يەشمىسى:] تاناسىل ئەزالىرى ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىلىدىغان سۇيۇقلۇق، سۈيدۈك.

كىچىك تىلى چىقماق

  • كىچىك تىلى چىقماق[يەشمىسى:] ئىچكى سىرلىرىنى سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتمەك.

كىچىك تىلى ئۇزارماق

  • كىچىك تىلى ئۇزارماق[يەشمىسى:] ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەپ تۇرىدىغان بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] نېمە دەۋاتىسەن، بۈگۈن كىچىك تىلىڭ ئۇزىراپ قاپتۇغۇ

كىچىككىنە

  • كىچىككىنە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھايىتى كىچىك:[مىسال:] ئۇشتۇمتۇت شۇ چاغدا بولۇپ ئۆتكەن كىچىككىنە بىر ۋەقە ئېسىمگە چۈشتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىرئاز، ئازراق:[مىسال:] كىچىككىنە سەۋر قىلىڭلار، دېدى لۇتپۇللا، يىلاننىڭ سىرى بىردەمدىن كېيىن ئېچىلىدۇ.

كىچىكلىمەك

  • كىچىكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كىچىك ھالەتكە كەلمەك؛ ئورنى، ھەجمى جەھەتتىن تارايماق:[مىسال:] جاپپارنىڭ سېمىزلىكتىن كىچىكلەپ قالغان كۆزلىرى ماڭا تىكىلدى.[يەشمىسى:] ② ئۆز ئىچىگە ئالغان سان، مىقدارى ئەسلىدىكىدىن ئازىيىپ، كەملەپ كەتمەك:[مىسال:] باتاليونىمىز كىچىكلىمىدى، ئەكسىچە تولۇق تۆت باتاليونلۇق جەنۇبىي يۆنىلىش پولكى بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ③ جىسمى، گەۋدىسى نورمال ھالەتتىن پەسلىمەك؛ ۋىجىكلەشمەك:[مىسال:] ئاتنىڭ قارىسى بارغانسېرى كىچىكلەپ ئاخىرى غايىب بولدى.[يەشمىسى:] ④ ئەمەل، مەرتىۋە جەھەتتىن تۆۋەنلىمەك:[مىسال:] كىچىك پېئىل بولساڭ، كىچىكلەپ كەتمەيسەن (ماقال).

كىدان

  • كىدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] «قىتان»غا قاراڭ.

كىر

  • كىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە، بەدەنگە قونغان، چاپلاشقان، يۇققان چاڭ-توزان قاتارلىق مەينەت، پاسكىنا نەرسىلەر:[مىسال:] ئۇ خۇددى ياش يىگىتلەردەك ئاق كۆڭلىكىنى ياقىسىغا كىر قوندۇرماي يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. ∥ يۈرۈڭ، تارتىنماڭ قىز نادەمنىڭ كىر چاپىنىنىڭ يېڭىدىن چىمدىپ تۇتۇپ تارتتى.[يەشمىسى:] ② يۇيۇلىدىغان ياكى يۇيۇلغان كىرلەشكەن كىيىم-كېچەك قاتارلىق نەرسىلەر:[مىسال:] ئەتىسى سائادەت كېلىپ كىرلىرىمنى ئېلىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يامانلىق، ئاداۋەت، غۇم:[مىسال:] كۆڭۈلدە كىر ساقلاپ نېمە قىلىمىز ھەممىمىز ئۆز ئادەم.

كىچىكلەتمەك

  • كىچىكلەتمەك[يەشمىسى:] «كىچىكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئىشەنمىسىڭىز مەن قاتارلىق ئادەملەردىن سوراپ بېقىڭ. مۇبادا يېشىمنى كىچىكلىتىپ يوشۇرغان بولسام مېنى تەنقىد قىلىڭ.

كىچىكلەشمەك

  • كىچىكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەدرىجىي كىچىك ھالەتكە كەلمەك، كىچىكلىمەك:[مىسال:] ئاسىگۈل سەمرىپ كۆزلىرى كىچىكلىشىپ كەتكەچكە، تونۇيالمىغىلى تاسلا قالغانىدىم.

كىچىكلىتىلمەك

  • كىچىكلىتىلمەك[يەشمىسى:] «كىچىكلەتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] سادىق بىرنەچچە تال ئۈزۈمنى ئاغزىغا سالغاندىن كېيىن، ماش رەڭ سومكىسىدىن كىچىكلىتىلگەن «تەرەققىيات خەرىتىسى» بىلەن «سۇ ئامبىرى خەرىتىسى»نى ئېلىپ شىرە ئۈستىگە يايدى.

كىچىكلىك

  • كىچىكلىك[يەشمىسى:] ① كىچىك، گۆدەك چاغ؛ گۆدەكلىك:[مىسال:] ئاللا يارىم بېشىڭدىكى مانچىستىر بۆكمۇ كىچىكلىكتە ئوينىۋىدۇق؛ ئەمدى يول يوقمۇ[يەشمىسى:] ② تۆۋەنلىك:[مىسال:] ھازىرقى ئىشخانا مۇدىرى دېگەن ۋەزىپە ئۇنىڭ قانات كېرىپ ئۇچۇشىغا كىچىكلىك قىلاتتى.

كىچىكلىك بەلگىسى

  • كىچىكلىك بەلگىسى[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بىر سان (ياكى ئىپادە)نىڭ ئىككىنچى بىر سان (ياكى ئىپادە)دىن كىچىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە. «<» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

كىرا

  • كىرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بەلگىلىك ھەق بېرىش شەرتى بىلەن باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئىشلىتىش، ئىجارە:[مىسال:] ھارۋا كىرا قىلماق. كىراغا ئالماق. كىراغا بەرمەك.[يەشمىسى:] ② يۆتكەيدىغان يۈك:[مىسال:] بىزدە تۆت ئېشەككە بەرگۈدەك كىرا يوق.[يەشمىسى:] ③ ئىشلەتكەن ياكى پايدىلانغانلىقى ئۈچۈن تاپشۇرۇلىدىغان ھەق، پۇل:[مىسال:] قۇرۇق رەھمەت ئېيتماي ئاز-تولا ماشىنا كىراسى تۆلەپ كەت، دېدى ئابلىز باي.

كىراكەش

  • كىراكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۇلاغ ياكى باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن يۈك ياكى ئادەم توشۇپ، تىرىكچىلىك قىلغۇچى.

كىراكەشلىك

  • كىراكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇلاغ ياكى باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن يۈك، ئادەم قاتارلىقلارنى توشۇش ئىشى ۋە مۇشۇنداق كەسىپ.

كىرام

  • كىرام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] مۆھتەرەم، ئەزىز (كۆپىنچە كۆپلۈك قوشۇمچىسى «لار-ى» بىلەن كېلىدۇ):[مىسال:] خەت «ئالىي كىراملىرىغا مەلۇم بولغايكى...» دەپ باشلانغانىدى.

كىراي

  • كىراي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① چەت، ياقا.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] پۇتبول قاتارلىق تەنھەرىكەت ئويۇنلىرىدىكى يان ھۇجۇمچى.

كىرئالغۇ

  • كىرئالغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كىر+ئالغۇ[[يەشمىسى:] توك كۈچى ئارقىلىق سۇنى ئايلاندۇرۇپ كىيىم يۇيىدىغان ساندۇق شەكلىدىكى ئۈسكۈنە.

كىرەش

  • كىرەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپىدە ئالاھىدە پۇرىقى بولىدۇ. يىلتىزى دورا بولىدۇ، تىنچلاندۇرۇش، قاننى تولۇقلاش، ھەيزنى تەڭشەش روللىرىغا ئىگە.

كىرپە

  • كىرپە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. بېشى كىچىك، تۆت پۇتى قىسقا كېلىدۇ. تېنىدە قاتتىق تىكەنلىرى بولىدۇ. كېچىسى ھەرىكەت قىلىپ، ھاشارات، چاشقان، يىلان قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. دېھقانچىلىققا پايدىلىق.

كىرپىك

  • كىرپىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] قاپاقنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن گىرۋەكلىرىدىكى ئىنچىكە تۈك. توپا-چاڭ، ھاشارات قاتارلىقلارنىڭ كۆزگە كىرىپ كېتىشىنى توسۇش ۋە كۈچلۈك نۇرنىڭ كۆزگە بولغان تەسىرىنى ئازايتىش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ.

كىرپىك يۇمماق

  • كىرپىك يۇمماق[يەشمىسى:] ئۇخلىماق:[مىسال:] بالا ئەمدىلا كىرپىك يۇمغاندا جاڭگالدا ئاتلىقلار پەيدا بولدى.

كىرپىكچە

  • كىرپىكچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] پروتوپلازمىدىن ھۈجەيرە سىرتىغا ئۇزىراپ چىققان ئىنچىكە، قىلسىمان تۈزۈلۈش. كىرپىك تۈكلۈك قۇرتلار ۋە بەزى ئومۇرتقىسىز ھايۋانلاردا بولىدۇ. ھەرىكەتلىنىش، ئوزۇقلىنىش ۋە نەپەسلىنىشتە رول ئوينايدۇ.

كىرپىكسىز

  • كىرپىكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىرپىكى يوق، كىرپىكى شالاڭ:[مىسال:] ئۇنىڭ پولتىيىپ چىققان كىرپىكسىز كۆزلىرى، ئاق سەللىنىڭ ئاستىدىكى تۇخۇمدەك بېشى، قىسقىسى ئۇ ئاجايىپ بىر مەخلۇق ئىدى.

كىرپىكلىك

  • كىرپىكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىرپىكى بار، كىرپىكى زىچ، قويۇق:[مىسال:] ئۇزۇن كىرپىكلىك، ئاق يۈزلۈك ئۇيغۇر قىزىمۇ چەتتە سۇپتاي ئۈچۈن چوڭقۇر خىيالغا كەتتى.

كىرپىۋاش

  • كىرپىۋاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كىرپە+باش[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى ۋە يوپۇرماقلىرى سۆسۈن رەڭدە بولىدۇ، خۇشبۇي پۇرايدۇ، گۈلى سۆسۈن ياكى يېشىل رەڭلىك كېلىدۇ.

كىرت

  • كىرت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① قايچىدا رەخت، قەغەز قاتارلىقلارنى كەسكەندە، پىچاق قاتارلىقلار بىلەن قاتتىق نەرسىلەرنى قىيغاندا، خەت يازغاندا چىققان ئاۋاز:[مىسال:] ھېلىقى باغاقچە قايچىنى تەگكۈزە-تەگكۈزمەيلا «كىرت» قىلىپ ئۈزۈلدى.[يەشمىسى:] ② ئادەم ياش، خام سەي يېگەندە؛ چاشقان قاتارلىقلار نەرسىلەرنى غاجىلىغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

كىرتەيمەك

  • كىرتەيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۇيقۇسىزلىق، ھارغىنلىقتىن كىچىكلەپ، ئىچىگە كىرىپ كەتمەك (كۆز ھەققىدە):[مىسال:] ئەينەككە قارىغۇدەك بولسام يۈزلىرىم تارتىشىپ، كۆزلىرىم كىرتىيىپ ئورۇقلاپ كېتىپتىمەن.

كىرتتىدە

  • كىرتتىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «كىرت» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ، «كىرت» قىلغان ھالدا.

كىرت-كىرت

  • كىرت-كىرت[يەشمىسى:] «كىرت» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] خەدىچە ھەدە ئالتۇن قايچىنى دەرھال كۆلگە تاشلىغانىكەن، «كىرت-كىرت» قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئەجدىھانىڭ بېشى چۆكۈپ كېتىپتۇ.

كىرتمەك

  • كىرتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يونۇپ، جىجاپ ئىز چىقارماق:[مىسال:] كۈرەك سېپىنى كىرتىپ بەلگە سالماق.

كىرتىك

  • كىرتىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەمتۈك، پۇچۇق:[مىسال:] كىرتىك چىنە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەرە چىشىگە ئوخشاش بۆرتۈپ چىققان قاپارتما، ئۇچ، چىش:[مىسال:] خەتنىڭ كىرتىكى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ مەركىزىي ئوقىغا بېكىتىلگەن، رەختنى ئىتتىرىپ بېرىدىغان يېرىم ئايلانما چىشلىق سايمىنى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىمنىڭ ياقا ئورنىتىدىغان يېرىنىڭ سىرتىدىكى ئۆتۈشمىگە تەۋە قىسمى:[مىسال:] كىرتىك ياقا.

كىرتىلداتماق

  • كىرتىلداتماق[يەشمىسى:] «كىرتىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سوراق خاتىرىسىنى يېزىۋاتقان قاۋۇل قەلىمىنى كىرتىلدىتىشتىن توختىتىپ خالىققا قارىدى.

كىرتىلدىماق

  • كىرتىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «كىرت-كىرت» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «كىرت-كىرت» قىلماق:[مىسال:] گۈل قىيغان قىزلارنىڭ قولىدىكى قايچىلارنىڭ كىرتىلدىغان ئاۋازى زالدىكى جىمجىتلىقنى بېسىپ چۈشەتتى.

كىرچى

  • كىرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخسۇس كىر يۇيۇش بىلەن شۇغۇللانغۇچى.

كىرچىلىك

  • كىرچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخسۇس كىر يۇيۇش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى، كەسپى.

كىرخانا

  • كىرخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىر يۇيۇش، دەزماللاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدىغان ئۆي، دۇكان.

كىردى-چىقتى

  • كىردى-چىقتى[يەشمىسى:] كىرىش-چىقىش ھەرىكىتى:[مىسال:] روشەنگۈل ئۇنى «لولا»، «بەتنىيەت» دەپ زادىلا كىردى-چىقتى قىلمايتتى.

كىرسىز

  • كىرسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كىردىن خالىي، كىر بولمىغان، بۇلغانمىغان، پاكىز:[مىسال:] كىرسىز شىم. كىرسىز كۆڭلەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يامان ئىللەتتىن خالىي، پاك، ساپ:[مىسال:] ئەخمەتجان قاسىمىدىكى مۇنداق بالىلارچە ھۇزۇرلىنىپ كۈلۈش ئۇنىڭ كىرسىز ساغلام تەبىئىتىدىكى كۆڭۈل ئازادىلىكى بولسا كېرەك.

كىرسىن

  • كىرسىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] نېفىتتىن ئاجرىتىپ ئېلىنىدىغان يېقىلغۇ، ماي، يەنى ئۇچۇشچانلىقى بېنزىندىن تۆۋەن، دىزېلدىن يۇقىرى بولغان رەڭسىز سۇيۇقلۇق:[مىسال:] كىرسىن لامپا. كىرسىن ئوچاق.

كىر-قات

  • كىر-قات[يەشمىسى:] يۇيۇلىدىغان ھەر خىل كىيىم-كېچەك قاتارلىقلار:[مىسال:] كېيىنچە كىر-قات يۇيۇپ بېرىش ۋە باشقا باردى-كەلدىلەر ئارقىلىق ئۇلار بىر-بىرىنى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى كۆرۈپ قېلىشتى.

كىرگۈل

  • كىرگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تورۇسنىڭ شامدان ياكى چىراغ ئېسىلىدىغان جايىغا چەمبەر شەكلىدە چىقىرىلغان نەقىش، فورما.

كىرگۈزمەك

  • كىرگۈزمەك[يەشمىسى:] «كىرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يەرگە باي سودىگەر، گۆرۈكەش خوجايىنلار بىلەن بايۋەچچىلەرنى كىرگۈزەتتى.

كىرلەشتۈرمەك

  • كىرلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «كىرلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ بالا بىردەمدە يېڭى كىيىمىنى كىرلەشتۈرۈپ بولدى.

كىرلەشمەك

  • كىرلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كىر بولماق، كىر يۇقماق، كىر بىلەن بۇلغانماق:[مىسال:] خوجايىن ئايال كىرلىشىپ كەتكەن قاشلىرى ئاستىدىكى يوغان كۆزلىرىنى بوۋايدىن ئالدى-دە، ئۈنچىقمىدى.

كىرلىشەڭگۈ

  • كىرلىشەڭگۈ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرئاز كىرلەشكەن، ئۇ يەر-بۇ يەر كىر بولغان:[مىسال:] سەمەر خىزمەت سومكىسىدىن قەغەزگە ئورالغان كىرلىشەڭگۈ قول ياغلىقىنى ئېلىپ كۆپچىلىككە كۆرسەتتى.

كىرلىك

  • كىرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يوتقان، كۆرپىنىڭ ئۈستىگە قاپلىنىدىغان، ۋاقتى-ۋاقتىدا يۇيۇلۇپ يوتقان-كۆرپىنى كىرلىشىشتىن ساقلايدىغان رەخت:[مىسال:] ئۇ كەلگەندە سېسترا قىزلار ئاپئاق كىرلىكلەر يېپىلغان ئورۇن-كۆرپىلەرنى خۇددى قىلىچتەك قىر چىقىرىپ يىغماقتا ئىدى.

كىرلىكلىك

  • كىرلىكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىرلىكى بار، كىرلىك بىلەن قاپلانغان:[مىسال:] تاملىرى گەجلەنگەن، تورۇسلىرى سىرلانغان، ئاياغ ئاستىغا قىزىل گۈللۈك كىگىز سېلىنغان ۋە مېھرابقا كىرلىكلىك كۆرپىلەر تىزىلغانىدى.

كىرمەكⅠ

  • كىرمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىپ، ئارغامچا قاتارلىقلارنى بىر ئۇچىنى تارتىش بىلەنلا يېشىلىپ كېتىدىغان قىلىپ باغلاش، چىگىش ۋە مۇشۇنداق باغلاق:[مىسال:] كىرمەك باغ. * پاكار تاغ يايلاققا يارىماس، قىسقا يىپ كىرمەككە يارىماس (ماقال).

كىرمەكⅡ

  • كىرمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ھەرىكەتلىنىپ، مېڭىپ مەلۇم نەرسىنىڭ دائىرىسىگە، ئىچىگە، ئىچكى تەرىپىگە ئۆتمەك؛ ئىچى تەرىپىگە بارماق، ئۆزىنى ئىچىگە ئالماق:[مىسال:] باغقا كىرمەك. قوينىغا كىرمەك. * ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە (ماقال).[يەشمىسى:] ② تېشىپ، يېرىپ ئۆتمەك، سانجىلماق:[مىسال:] پۇتىغا تىكەن كىرمەك.[يەشمىسى:] ③ قاتارىدىن ئورۇن ئالماق، تەركىبكە قوشۇلماق، مەنسۇپ بولماق، ھېسابلانماق:[مىسال:] سەپكە كىرمەك. * ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى تۈركىي تىللار ئائىلىسىنىڭ ئۇيغۇر-قارلۇق تىلى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ.[يەشمىسى:] ④ قوبۇل قىلىنماق، قاتناشماق:[مىسال:] دەرسكە كىرمەك. ئوقۇشقا كىرمەك. خىزمەتكە كىرمەك. ئەسكەرلىككە كىرمەك. پارتىيىگە كىرمەك.[يەشمىسى:] ⑤ تارالماق، يېيىلماق:[مىسال:] ئىسلام دىنى شۇندىن باشلاپ قاراخانىيلار ئاتالغان بۇ يەرلىرىمىزگە كىردى.[يەشمىسى:] ⑥ ساناق سان بىلەن، بەزىدە «ياش» سۆزى بىلەن كېلىپ شۇنچىلىك ئۆمۈر كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] سىز بۇ يىل 17 گە كىردىڭىزغۇ دەيمەن-ھە[يەشمىسى:] ⑦ ۋاقىت، پەيتنى بىلدۈرىدىغان ئايرىم سۆزلەر بىلەن كېلىپ شۇ ۋاقىت ياكى پەيتنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] كەچ كىردى. ئەتىياز كىردى.[يەشمىسى:] ⑧ ئېلىنماق، ئېرىشمەك:[مىسال:] بۇ پۇلنىڭ 50 نەچچە پىرسەنتى بۇغدايدىن كىردى.[يەشمىسى:] ⑨ چىشى ھايۋانلار ئەركەك ھايۋانلار تەرىپىدىن چېتىلىشماق:[مىسال:] سەلىمىخاننىڭ كالىسى بۇقىغا كىرىپتۇ.[يەشمىسى:] 01 رىئايە قىلماق، ئەمەل قىلماق، ماقۇل دېمەك:[مىسال:] بىر چوڭنىڭ گېپىگە كىر، بىر كىچىكنىڭ گېپىگە كىر (ماقال). * بىراق سەلىمە ئېرىنىڭ بۇ نەسىھىتىگە كىرمەي سورۇنغا قاتناشتى.[يەشمىسى:] 11 يۆنىلىش كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن بەزى ئىسىملار بىلەن كېلىپ «نامايان بولماق، ئايان بولماق، ئاڭلانماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] كېچە دادام چۈشۈمگە كىرىپ قاپتۇ.[يەشمىسى:] 21 بەزى ئىسىملار بىلەن كېلىپ: 1) شۇ ئىسىم بىلدۈرگەن نەرسىنىڭ پەيدا بولۇش ياكى ۋۇجۇدقا كېلىشىگە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] پىلە قۇرتى تورغا كىردى.[يەشمىسى:] 2) شۇ ئىسىم ئىپادىلىگەن خۇسۇسىيەت ۋە ھالەتكە ئۆتكەنلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] تۈسكە كىرمەك. قىياپەتكە كىرىۋالماق. * گۈلچىمەن ئانىسىغا تىكىلىپ، ئۇنىڭ بىر-ئىككى كۈن ئىچىدىلا باشقىچە ياداپ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، بىتاپ كىشى سىياقىغا كىرىپ قالغانلىقىدىن بىئارام بولدى.[يەشمىسى:] 3) شۇ ئىسىم بىلدۈرگەن نەرسە ياكى خۇسۇسىيەتنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] زۇۋانغا كىرمەك. دەرمان كىرمەك. جان كىرمەك. غەيرەت كىرمەك.

كىرمىگەن تۆشۈكى قالماسلىق

  • كىرمىگەن تۆشۈكى قالماسلىق[يەشمىسى:] جان بېقىش، تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ھەممە جايغا بېرىپ، ھەممە ئىشنى قىلىپ بېقىش.

كىرىدىغان تۆشۈك تاپالماسلىق

  • كىرىدىغان تۆشۈك تاپالماسلىق[يەشمىسى:] قورقۇپ بارار يېرىنى بىلەلمەسلىك.

كىرىچ

  • كىرىچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پاختا ئېتىش دۇكىنى، ئوقيا، يىپ ئېگىرىدىغان چاق قانىتى قاتارلىقلارغا تارتىلىدىغان ئۆچكە تېرىسىدىن تورلانغان شوينا، زەي.[يەشمىسى:] ② تەك نوتىلىرىدىن ئۆسۈپ چىقىپ يەنە شۇ نوتىلارغا يۆگىشىۋالىدىغان سىلىق يىپسىمان نەرسە.

كىرىس

  • كىرىس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] گازىر چاققاندا، چىشنى غىچىرلاتقاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

كىرىس-كىرىس

  • كىرىس-كىرىس[يەشمىسى:] «كىرىس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] شۇ تاپتا ئۇنىڭ تازا ئاچچىقى كەلگەن بولۇپ، چىشلىرى كىرىس-كىرىس قىلاتتى.

كىرىشⅠ

  • كىرىشⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئەسەرنىڭ باشلىنىشى، مۇقەددىمە:[مىسال:] ساتتار داستاننىڭ كىرىش قىسمىنى ئوقۇدى.

كىرىشتۈرمە

  • كىرىشتۈرمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىرىشتۈرۈلىدىغان:[مىسال:] كىرىشتۈرمە ئۇلاق.

كىرىشتۈرمەك

  • كىرىشتۈرمەك[يەشمىسى:] «كىرىشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ تراكتورنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

كىرىشتۈرۈشمەك

  • كىرىشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «كىرىشتۈرمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كىرىشتۈرۈلمەك

  • كىرىشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كىرىشتۈرمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] چارۋاغ يېزىسىدا قۇرۇلۇۋاتقان زامانىۋى خىش زاۋۇتى يېقىندا پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

كىرىش-چىقىش

  • كىرىش-چىقىش[يەشمىسى:] كىرىپ چىقىش ئىشى، كىرىپ چىقىدىغان ھەرىكەتلەر:[مىسال:] قويۇق كىرىش-چىقىش گۈلنىسا قىزنى گويا مۇشۇ ئائىلىنىڭ تەبىئىي بىر ئەزاسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى.

كىرىشمە

  • كىرىشمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىرىشتۈرۈلگەن:[مىسال:] كىرىشمە ئاۋاز.

كىرىشمەك

  • كىرىشمەك[يەشمىسى:] ① «كىرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تەنتەنىلىك بېزەلگەن ئۆيگە ئەر-ئايال مېھمانلار ئارقا-ئارقىدىن كىرىشمەكتە.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى بېجىرىشكە باشلىماق، مەشغۇل بولماق:[مىسال:] دىلبەر مېھمانخانىغا كېلىپ ئەتىسى ئەتىگەندىلا ئىشقا كىرىشتى.[يەشمىسى:] ③ ئىسسىق، سوغۇق ياكى نەم تەسىرىدىن قىسقارماق (رەخت ھەققىدە):[مىسال:] ئۇنىڭ يۇيۇلغان كۆڭلىكى كىرىشىپ قىسقا كېلىپ قالغانىدى.[يەشمىسى:] ④ بىر-بىرىگە ھىم يېقىنلىشىپ قاتماق، قېرىشماق:[مىسال:] ئالدىراپ كىرىپ چىراغ ياندۇرسام، پەرىدەم كۆزلىرى يېرىم يۇمۇلغان، چىشلىرى كىرىشكەن، مۇشتۇمى چىڭ تۈگۈلگەن ھالدا سارغىيىپ سوزۇلۇپ يېتىپتۇ.

كىرىلمەك

  • كىرىلمەك[يەشمىسى:] «كىرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئايۋاننىڭ نېرىقى تەرىپىدىكى كىچىك ئىشىك ئارقىلىق بۇ ئۆيگە كىرىلەتتى.

كىرىم

  • كىرىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىلغان ئىش، كەسىپ، تىجارەت قاتارلىقلاردىن كىرگەن پۇل، مەبلەغ:[مىسال:] يىللىق كىرىم. دېھقانچىلىق كىرىمى. * ئالدىنقى يىللىرى بۇ يېزىدا مەھسۇلات ئاشسىمۇ كىرىم ئاشماي كەلگەنىدى.

كىرىم-چىقىم

  • كىرىم-چىقىم[يەشمىسى:] ھېسابقا كىرگۈزۈلگەن ۋە ھېسابتىن چىقىرىلغان پۇل، مەبلەغلەر:[مىسال:] خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي تەڭپۇڭلۇقى ئاساسەن مالىيە جەھەتتىكى كىرىم-چىقىمنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

كىژ

  • كىژ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] سۇ قايناش ئالدىدا، قىزىغان مايغا گۆش ۋە سەي قاتارلىقلارنى سالغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

كىژژىدە

  • كىژژىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «كىژ-كىژ» قىلغان ھالدا، «كىژ-كىژ» قىلىپ.

كىژ-كىژ

  • كىژ-كىژ[يەشمىسى:] «كىژ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] كىژ-كىژ قىلماق.

كىژىلداتماق

  • كىژىلداتماق[يەشمىسى:] «كىژىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كىژىلداشماق

  • كىژىلداشماق[يەشمىسى:] «كىژىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كىژىلدىماق

  • كىژىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «كىژ-كىژ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «كىژ-كىژ» قىلماق.

كىستافىل

  • كىستافىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈك تېنىدىكى بىر خىل سېرىق پىگمېنت. خلوروفىل بىلەن بىرگە فوتوسېنتىز رولىنى ئۆتەشكە قاتنىشىدۇ.

كىسپۇرۇش

  • كىسپۇرۇش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئەسلىي «ئىپپەت-نومۇسىنى ساتقۇچى»دېگەن مەنىدە ئىدى، ھازىر تىلىمىزدا «جۇۋاينىمەك، ئۆلگۈر، ئىپلاس» دېگەندەك تىل-ھاقارەتنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھېلىقى ئەزمە دوستۇم ۋاقىتنى زايە قىلمىغان بولسا، كىسپۇرۇش ئوغرى پۇلنى ئالالمايتتى.

كىسسە

  • كىسسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] غەيۋەت-شىكايەت.

كىسلاتا

  • كىسلاتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] سۇدىكى ئېرىتمىسىدە ھىدروگېن ئىئونى پەيدا قىلىدىغان بىرىكمىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. بۇ تۈردىكى ماددىلار ئاساسلار بىلەن نېيتراللىشىپ تۇز بىلەن سۇ ھاسىل قىلىدۇ، سۇدىكى ئېرىتمىسى كىسلاتالىق تەمگە ئىگە، لاكمۇس قەغىزىنى قىزارتىدۇ، بەزى مېتاللار بىلەن بىرىكىپ ھىدروگېن بىلەن تۇز ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن، سۇلفات كىسلاتاسى، تۇز كىسلاتاسى قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

كىسلاتالاشماق

  • كىسلاتالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كىسلاتا تەركىبى كۆپەيمەك، تەركىبىدە كىسلاتا ئېشىپ بارماق.

كىسلاتالاشتۇرماق

  • كىسلاتالاشتۇرماق[يەشمىسى:] «كىسلاتالاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كىسلاتالىق يامغۇر تۇپراقنى كىسلاتالاشتۇرۇپ زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ۋە ئورمانلارغا ئېغىر زىيان سالماقتا.

كىسلاتالىق

  • كىسلاتالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە كىسلاتا بولغان:[مىسال:] ھەر يىلى ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلىدىغان كاربون (Ⅳ) ئوكسىد، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، ئازوت ئوكسىد، مېتان ۋە ئوزون قاتارلىق زەھەرلىك گازلارنىڭ ئاتمۇسفېرادا كىسلاتالىق يامغۇر شەكىللەندۈرمەكتە.

كىسىلدەك

  • كىسىلدەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جۇۋاينىمەك.

كىسلورود

  • كىسلورود[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] «ئوكسىگېن»غا قاراڭ.

كىشەن

  • كىشەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاياغقا، سېلىپ قولۇپلاپ قويۇلىدىغان ئىشكەل.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەركىنلىكنى بوغىدىغان چەكلىمە، ئاسارەت:[مىسال:] قۇتۇلۇپ ئەل روھىي كىشەندىن، كۆڭلى-كۆكسى شادلىققا تولدى، ھەممە سەپتە قىزىتىپ جەڭنى، ئىش-ئەمگەكنىڭ باتۇرى بولدى.

كىشەنلەتمەك

  • كىشەنلەتمەك[يەشمىسى:] «كىشەنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

كىشەنلەنمەك

  • كىشەنلەنمەك[يەشمىسى:] «كىشەنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قىلىچلىرىنى يالىڭاچلىغان 30 دەك چېرىك قوللىرى ئارقىسىغا باغلىنىپ، پۇتلىرى كىشەنلەنگەن ئون نەچچە ئادەمنى ئارىغا ئېلىپ كېلىۋاتاتتى.

كىشەنلىك

  • كىشەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشەن سېلىنغان، كىشەنلەنگەن:[مىسال:] ھويلىغا كىرىش بىلەن ھېلىقى ئىككى كىشى كىشەنلىك پالۋاننى ھەيدەپ چىقتى.

كىشەنلىمەك

  • كىشەنلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پۇت-قولىنى كىشەن بىلەن بەند قىلماق، كىشەن سالماق:[مىسال:] تۇتۇپ ئېلىپ مېنى دۈشمەن كىشەنلەپ، ئوكياندىكى ئاراللارغا پالىدى. كىشەن بىلەن سالدى قارا ئىشلارغا، ئۇرۇپ-قىيناپ ئازابلىدى، خارلىدى.[يەشمىسى:] ② ئەركىنلىكىنى چەكلىمەك، بوغماق:[مىسال:] شۇم جاھالەت زەنجىرى بىزنى كىشەنلەپ تاشلىدى، كىمكى چىقتى سەھنىگە ئىشنى خوتۇندىن باشلىدى.

كىشمىش

  • كىشمىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېۋىسى ئۇششاق، ئۇرۇقسىز، رەڭگى سۈزۈك، كۆك ياكى سېرىق قۇرۇيدىغان بىر خىل ئۈزۈم.

كىشمىشلىك

  • كىشمىشلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشمىشى بار، كىشمىش بىلەن تولغان:[مىسال:] بۇ تەرەپتە كاۋاپ، ئاشمانتا، ئۇ تەرەپتە شورپا، ياغ سامسا. بۇ سۇپىدا قوغۇن-تاۋۇز، ئۇ سۇپىدا كىشمىشلىك خالتا.

كىشنەتمەك

  • كىشنەتمەك[يەشمىسى:] «كىشنىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئويلاپتۇ شۇ يىگىت ئەقىل-ئويىنى، گوياكى تۈگمەندەك قاتتىق ئىشلىتىپ. باغلاپتۇ بېلىنى ھەسەن-ھۈسەندەك، غەيرەت دۇلدۇلىنى مەغرۇر كىشنىتىپ.

كىشنەشمەك

  • كىشنەشمەك[يەشمىسى:] «كىشنىمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئات كىشنىشىپ تېپىشىدۇ. ئادەم سۆزلىشىپ تېپىشىدۇ (ماقال).

كىشنىمەك

  • كىشنىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چاپچىپ، قىرقىراپ ئاۋاز چىقارماق (ئات ھەققىدە):[مىسال:] ئاتنىڭ كىشنىمەيدىغىنى يوق، ئىتنىڭ چىشلىمەيدىغىنى يوق (ماقال).

كىشى

  • كىشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پىكىر قىلىش، ئويلاش، سۆزلەش ۋە ئىشلەش ئىقتىدارىغا ئىگە جانلىق مەۋجۇدات؛ ئادەم، ئىنسان:[مىسال:] ئەر كىشى. خوتۇن كىشى.[يەشمىسى:] ② كوللېكتىپ ياكى ئائىلىنىڭ ھەربىر ئەزاسى، جان:[مىسال:] ئائىلەڭدە قانچە كىشى بار[يەشمىسى:] ③ باشقا ئادەم، بىراۋ؛ ئۆزگە؛ خەق:[مىسال:] كىشىنىڭ ئىشى — بوسۇغا بېشى (ماقال). * كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول (ماقال).

كىشى-قارا

  • كىشى-قارا [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىركىم، بىراۋ.

كىشىگە

  • كىشىگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مۆتىۋەرلەرنىڭ داستىخىنىدىن ئاشقان تاماق.

كىشىلىك

  • كىشىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىنسانغا، ئادەمگە مەنسۇپلۇق، ئىنسانىيەت:[مىسال:] كىشىلىك تارىخ. ∥ كىشىلىك ھايات خۇددى گۈلگە ئوخشايدۇ، سۆيگۈ بولسا ئەنە شۇ گۈلنىڭ شىرنىسىدۇر.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ: 1) «كىشىدىن تەركىب تاپقان، كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] نىزامىدىننىڭ 200 كىشىلىك ئاتلىق قوشۇنى بۇيرۇق بويىچە بۈگۈن كېچىدە ئاچالغا قاراپ يولغا چىققان.[يەشمىسى:] 2) «كىشىگە، ئادەمگە مۆلچەرلەنگەن، تەييارلانغان؛ كىشىگە يېتىدىغان، خاس بولغان، كىشى سىغىدىغان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر كىشىلىك ياتاق. ئىككى كىشىلىك كارىۋات. بىر كىشىلىك ئۇسسۇل.[يەشمىسى:] 3) «بىر» سانى بىلەن كېلىپ «ئۈلۈش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر كىشىلىك تۆھپە قوشماق. * ھەممە ياشلار تاغقا بېرىپ بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇۋاتىدۇ، مېنىڭمۇ تاغقا بېرىپ بىر ئىشلىگۈم بار.

كىك

  • كىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بالىياتقۇ ئېغىزى:[مىسال:] كىكى يېرىلماق.

كىكەتكە

  • كىكەتكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەرەنچە كۆڭلەك ياكى چاپانلارنىڭ ئارقا تاغاق قىسمىدىكى كەسمە بۆلەك.

كىگىز

  • كىگىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەر، كارىۋات قاتارلىقلارغا سالىدىغان قوي يۇڭىدىن قېلىن قىلىپ بېسىپ ئىشلەنگەن ئائىلە بۇيۇمى:[مىسال:] كىگىز باستۇرماق. ئۆيگە كىگىز سالماق.

كىگىز تاتىلىماق

  • كىگىز تاتىلىماق[يەشمىسى:] خىجىل بولماق، يەرگە قارىماق:[مىسال:] ھوشۇر ئىمام ئۇتتۇرۇۋەتكەن قىمارۋازدەك كىگىز تاتىلاپ جىم ئولتۇراتتى.

كىگىز-پالاس

  • كىگىز-پالاس[يەشمىسى:] كىگىز، پالاس، گىلەم قاتارلىق نەرسىلەر.

كىگىزچى

  • كىگىزچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىگىز باسىدىغان ۋە ساتىدىغان كىشى:[مىسال:] يەكەنلىك كىگىزچى ئەھەتقارى دېسە تونۇمايدىغىنى يوق.

كىگىزچىلىك

  • كىگىزچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىگىز بېسىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى، كەسپى.

كىگىز-كېچەك

  • كىگىز-كېچەك[يەشمىسى:] كىگىز، گىلەم، پالاس قاتارلىق يەرگە سېلىنىدىغان نەرسىلەر.

كىلتاڭ

  • كىلتاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دېرىزە، ئىشىك قاناتلىرىنى بىر-بىرىگە ياكى رامغا تىرەپ ئېتىدىغان تۆمۈر ياكى ياغاچ ئىلغۇچ.

كىلمەك

  • كىلمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىپنىڭ بىر ئۇچىنى تارتىش بىلەنلا يېشىلىپ كېتىدىغان قىلىپ باغلانغان بىر خىل باغلاق.

كىلو

  • كىلو[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئالدىنقى تەركىبى بولۇپ كېلىدۇ. سۆز مەنىسى «1000».[يەشمىسى:] ② كىلوگرام.

كىلوكالورىيە

  • كىلوكالورىيە[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ ئەمەلىي ئىستېمال بىرلىكى. بىر كالورىيىنىڭ 1000 ھەسسىسىگە باراۋەر.

كىلوگېرتس

  • كىلوگېرتس[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] رادىئو دولقۇنىنىڭ چاستوتا بىرلىكى. ھەر سېكۇنتتا 1000 قېتىم تەۋرەنسە بىر كىلوگېرتس بولىدۇ.

كىلوگرام

  • كىلوگرام[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] مېتىر سىستېمىسىدىكى ئېغىرلىق (ياكى ماسسا) نىڭ ئۆلچەم بىرلىكى. 1 كىلوگرام 2 جىڭغا ياكى 1000 گرامغا تەڭ.

كىلوگراملىق

  • كىلوگراملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى، كىلوگرام كېلىدىغان:[مىسال:] ئىككى كىلوگراملىق گىر تېشى.

كىلولاتماق

  • كىلولاتماق[يەشمىسى:] «كىلولىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن سېتىۋالغان تاۋۇزنى باشقا بىر دۇكانغا ئاپىرىپ كېلولىتىپ باقتىم.

كىلولاشماق

  • كىلولاشماق[يەشمىسى:] «كىلولىماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كىلولانماق

  • كىلولانماق[يەشمىسى:] «كىلولىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] سېتىۋېلىنغان مېۋىلەر كىلولىنىپ ماشىنىغا بېسىلدى.

كىلولۇق

  • كىلولۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم كىلوگرام ئېغىرلىقتا كېلىدىغان؛ مەلۇم كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى نەرسە سىغىدىغان:[مىسال:] ئۇ ئالما قاچىلانغان يەشىكلەردىن تاللاپ 25 كىلولۇق يەشىكتىن بىرنى ئالدى.

كىلولىتىر

  • كىلولىتىر[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] مېتىر سىستېمىسىدىكى 1000 لىتىرغا باراۋەر سىغىم ئۆلچەم بىرلىكى.

كىلولىماق

  • كىلولىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنى جىڭغا سېلىپ كىلوگرام بىرلىكى بىلەن ئۆلچىمەك، تارتماق:[مىسال:] تۇرمۇش خىزمىتىنى ئىشلىگۈچىلەر تەقسىم قىلىنىدىغان سەينى كىلولاپ ھەربىر ئائىلىگە تەقسىم قىلىشقا باشلىدى.

كىلومېتىر

  • كىلومېتىر[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]فرانسوزچە[[يەشمىسى:] مېتىر سىستېمىسىدىكى 1000 مېتىرغا باراۋەر ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى.

كىلومېتىرلىق

  • كىلومېتىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم كىلومېتىر كېلىدىغان، كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى:[مىسال:] بىرنەچچە كىلومېتىرلىق مۇساپە بېسىلغاندىن كېيىن لاتا كۆيۈپ تۈگىدى.

كىلومېتىرلىماق

  • كىلومېتىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەلۇم مۇساپە ياكى ئۇزۇنلۇقنى كىلومېتىرنى بىرلىك قىلىپ ئۆلچىمەك، ھېسابلىماق:[مىسال:] يوللار ئاسفالتلانغاندىن كېيىن، ئۇنى كىلومېتىرلاپ، ھەربىر كىلومېتىر ئارىلىققا مەخسۇس بەلگە ئورنىتىلدى.

كىلوۋات

  • كىلوۋات[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكترنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان قۇۋۋەت بىرلىكى، بىر كىلوۋات 1000 ۋاتقا باراۋەر كېلىدۇ.

كىلوۋات سائەت

  • كىلوۋات سائەت[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] بىر كىلوۋات سائەت ئېلېكتر مىقدارىنىڭ ئومۇمىي نامى.

كىلېتكا

  • كىلېتكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلارنىڭ تېنىنى ھاسىل قىلغۇچى ۋە فۇنكسىيە ئېلىپ بارغۇچى ئاساسىي بىرلىك. ئۇ ناھايىتى كىچىك بولۇپ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ. شەكلى ھەر خىل بولىدۇ. ئادەتتە ئۇ كىلېتكا يادروسى، ستوپلازما ۋە كىلېتكا پەردىسى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلىدۇ.

كىلېتكىشۇناس

  • كىلېتكىشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىلېتكىشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى مۇتەخەسسىس.

كىلىتكىشۇناسلىق

  • كىلىتكىشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىلېتكا يادروسى، ستوپلازما ۋە كىلېتكا پەردىسى ھەم كىلېتكىغا دائىر بارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

كىلىت

  • كىلىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاچقۇچ.

كىلىزما

  • كىلىزما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ئىچىنى تازىلاش ياكى داۋالاش ئۈچۈن ئارقا يولدىن سۇ ياكى بىرەر سۇيۇقلۇق بېرىش: ھەببۈلمۈلۈكنى يېگەندە قەي قىلدۇرۇش، قۇستۇرۇش ۋە زەھەرلەش ئىشلىرى كۆرۈلسىمۇ، ئەمما ئۇنى كىلىزما قىلغاندا بۇنداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ.

كىلىمات

  • كىلىمات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] مەلۇم بىر رايوننىڭ كۆپ يىللىق كۆزىتىش ئارقىلىق خۇلاسىلەپ چىقىلغان ھاۋا رايى ئەھۋالى. ئادەتتە ئۇ ھاۋا ئېقىمى، كەڭلىك گرادۇسى، دېڭىز ئورنىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ۋە يەر شەكلى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

كىلىماتولوگىيە

  • كىلىماتولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاتموسفېرا ئىلمىنىڭ بىر تارمىقى. كىلىمات ئالاھىدىلىكى، ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى ۋە ئۇنىڭ شەكىللىنىشىنى تەتقىق قىلىدۇ.

كىليونكا

  • كىليونكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بىر ياكى ھەر ئىككى تەرىپى سۇيۇقلۇق ئۆتكۈزمەيدىغان ماددا بىلەن قاپلانغان رەخت.

كىم

  • كىم[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ① «قايسى كىشى» دېگەن مەنىدە شەخس ھەققىدىكى سوراقنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇنداق بولسا، بۇ تىزىملىكنى يېزىغا كىمدىن ئەۋەتىمىز دېدى ئامىنىخان.[يەشمىسى:] ② كىشىلەرنىڭ نامى سورالغان جۈملىلەردە «نېمىدەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بولۇپتۇ، بولۇپتۇ، ئارتىسكا بولمىسىڭىز، شېئىر ئوقۇپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئىسمىڭىز كىم بولىدۇ دېدى مىرئەخمەت.[يەشمىسى:] ③ شەرت بېقىندى جۈملىنى نەتىجە جۈملىگە باغلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ:[مىسال:] ئاتاڭ كىم بولسا، سەن شۇنىڭ ئوغلى (ماقال).

كىمىئارتۇق

  • كىمىئارتۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كىم+ئارتۇق[[يەشمىسى:] سودىدا باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش ئىشى.

كىمەرسە

  • كىمەرسە[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ھەرقانداق بىركىشى، ھەرقانداق بىر شەخس:[مىسال:] كىمەرسىنى ئاشىق قىلاي دېسەڭ، يانچۇقۇڭنىڭ ئاغزىنى ئوچۇق قوي

كىمەرسىكى

  • كىمەرسىكى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] «كىمەرسە»گە قاراڭ:[مىسال:] ئەگەر كىمەرسىكى باشقىلارغا ئورا كولىدى، ئۇنىڭغا ھامان ئۆزى چۈشىدۇ.

كىمبېرلىت

  • كىمبېرلىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئەڭ دەسلەپتە ئافرىقىنىڭ كىمبېرلىي دېگەن يېرىدىن تېپىلغان ۋە شۇ جاينىڭ نامى بىلەن ئاتالغان قىسمەن ئىشقارلىق ئۇلترا ئاساسلىق بىر خىل جىنس.

كىمخاپ

  • كىمخاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆرۈشى يىپەك، ئارقىقى زەر يىپتىن توقۇلغان رەخت.

كىمدۇر

  • كىمدۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] كۆپىنچە كەينىدىن «بىرى» سۆزى كېلىپ كىملىكى ئېنىقسىز بىر ئادەمنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] كىمدۇر بىرى ئىشىكنى چەكتى.

كىمدەكىم

  • كىمدەكىم[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]كىم+دە+كىم[[يەشمىسى:] كىم بولسا بولسۇن، ھەرقانداق بىركىشى:[مىسال:] ئەمدى كىمدىكىم ۋاڭلىقنى تىكلەيمەن دېسە، ئۆزىنىڭ بېشىنى يەيدۇ.

كىمىرلەنمەك

  • كىمىرلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پۇچۇلماق، يېيىلماق.

كىمىيا

  • كىمىيا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] خىمىيە.

كىمىياگەر

  • كىمىياگەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] خىمىك.

كىمىياگەرلىك

  • كىمىياگەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خىمىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش.

كىن

  • كىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاداۋەت، خاپىلىق، نارازىلىق.

كىنا

  • كىنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاپۇئا، يېڭى گۋىنىيىنىڭ پۇل بىرلىكى.

كىنايە

  • كىنايە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] تەنە.

كىنايىلىك

  • كىنايىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىنايە قىلىپ، مەسخىرە ئارىلاش گەپ قىلغۇچى.

كىنايىچى

  • كىنايىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىنايە قىلىپ ئېيتىلغان، كىنايە ئىپادىلەنگەن:[مىسال:] ئۇ بىرنەرسە دېيىش ئۈچۈن تەمشىلىپ تۇراتتى. قىر ئۈستىدىكى بىر دېھقاننىڭ كىنايىلىك سۆزى خىيالىنى چېچىۋەتتى. ∥ يولدىن ئۆتكەن كىشىلەردىن بەزىلىرى ياقىسىنى تۇتسا، بەزىلىرى كىنايىلىك كۈلۈشۈپ قوياتتى.

كىنەز

  • كىنەز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① فېئودال-كىنەزلىك ھاكىمىيىتىدىكى ئەسكەر باشلىقى ۋە ۋىلايەت ھاكىمى.[يەشمىسى:] ② فېئودال-كىنەزلىك ھاكىمىيىتىدە مىراس تەرىقىسىدە بېرىلىدىغان پەخرىي ئۇنۋان ھەمدە شۇ ئۇنۋانغا ئىگە بولغان كىشى.

كىنەزلىك

  • كىنەزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىنەزنىڭ قول ئاستىدىكى ئورۇن.

كىندىك

  • كىندىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ① تۆرەلمە بىلەن بالا ھەمراھىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغۇچى نەيچىسىمان ئەزا. ئىككى تال ئارتېرىيە بىلەن بىر تالا ۋېنادىن تۈزۈلگەن. تۆرەلمە ئۇنىڭغا تايىنىپ ئانا تېنى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. ئادەتتە ئۇ يەنە تۆرەلمىنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈشى ۋە كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىۋېتىشىدىكى يول ھېسابلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② بالا تۇغۇلۇپ، شۇ خىل نەيچە كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن قورساق سىرتىدىكى قېلىپ قالغان ئويمانچە.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەركەز، ئوتتۇرا:[مىسال:] كىندىك ئوق. ئاسىيا كىندىكى. * بىز قەشقەرنىڭ كىندىكىدىن.

كىندىك قېنى تۆكۈلگەن جاي

  • كىندىك قېنى تۆكۈلگەن جاي[يەشمىسى:] تۇغۇلغان يۇرت، ۋەتەن:[مىسال:] دۇنيادا ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن جايىدىنمۇ ئۇلۇغ يەنە نېمە بولسۇن؟

كىندىكئانا

  • كىندىكئانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]كىندىك+ئانا[[يەشمىسى:] ① ئاياللارنىڭ تۇغۇتىغا ياردەملىشىپ، تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كىندىكىنى كېسىشكە تەكلىپ قىلىنغان ئايال.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەيدانغا كېلىش، پەيدا بولۇشىنى بىرىنچى بولۇپ كۈتۈۋالغۇچى:[مىسال:] زورلۇق كۈچ — يېڭى جەمئىيەتكە ھامىلىدار بولغان ھەربىر جەمئىيەتنىڭ كىندىكئانىسى.

كىنو

  • كىنو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بىر خىل ئۇنىۋېرسال سەنئەت. بۇنىڭدا لېنتىغا ئېلىنغان چاتما سۈرەتلەرنى كۈچلۈك چىراغ نۇرىدا ئېكرانغا چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ئادەم ياكى شەيئى ھەرىكىتى ئەينەن تەسۋىرلەپ بېرىلىدۇ.

كىنوچى

  • كىنوچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىنو فىلىملىرىنى كۆرسىتىش، قويۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچى.

كىنوچىلىق

  • كىنوچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىنو سېنارىيىسىنى يېزىش، فىلىمگە ئېلىش، قويۇش قاتارلىق ئىشلار ۋە مۇشۇ ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى.

كىنوخانا

  • كىنوخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىنو فىلىملىرى كۆرسىتىلىدىغان مەخسۇس ئورۇن.

كىنولاشتۇرماق

  • كىنولاشتۇرماق[يەشمىسى:] «كىنولاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سەھنە ئەسىرىنى كىنولاشتۇرماق.

كىنولاشتۇرۇلماق

  • كىنولاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «كىنولاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] 80-يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان سەھنە ئەسەرلىرى كىنولاشتۇرۇلدى.

كىنولاشماق

  • كىنولاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كىنو شەكلىدە ئەكس ئەتتۈرۈلمەك، كىنو فىلىمى قىلىپ كۆرسىتىلمەك، ئىشلەنمەك.

كىنوۋار

  • كىنوۋار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئانئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى HgS. ئۇ سىماب ئېلىشتىكى ئاساسلىق مىنېرال ھېسابلىنىدۇ. رەڭگى قىزىل ياكى بېغىر رەڭ، زەھەرسىز كېلىدۇ. تېبابەتچىلىكتە تىنچلاندۇرۇش دورىسى قىلىنىدۇ. بەدەن سىرتىغا ئىشلەتكەندە قىچىشقاق قاتارلىق تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. ئادەتتە ئۇ بوياقمۇ قىلىنىدۇ.

كىنېماتىكا

  • كىنېماتىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] مېخانىكىنىڭ تارمىقى. ئورۇن يۆتكەش، تېزلىك، تېزلىنىش قاتارلىق فىزىكىلىق مىقدارلار ئارقىلىق، جىسىم ئورنىنىڭ ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىش مۇناسىۋىتىنى بايان قىلىدۇ ۋە تەتقىق قىلىدۇ.

كىنىشكا

  • كىنىشكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] سالاھىيەت، تارىخ قاتارلىقلارنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان، مەلۇم تەشكىلات، ئورۇنغا قاراشلىق ئىكەنلىكىنى ياكى مەلۇم جەھەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئىناۋەتلىك كىچىك دەپتەرچە ياكى قەغەز ۋاراق.

كىنىشكىسىز

  • كىنىشكىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشنىشكىسى يوق، كىنىشكىسى بولمىغان:[مىسال:] كىنىشكىسىز ئادەم.

كىنىشكىلىق

  • كىنىشكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىنىشكىسى بار، كىنىشكىگە ئىگە بولغان.

كىنىمەك

  • كىنىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەسلىمەك، ياد ئەتمەك.

كىۋە

  • كىۋە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كىرپە.

كىيات

  • كىيات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرمىنىڭ پۇل بىرلىكى.

كىيدۈرمەك

  • كىيدۈرمەك[يەشمىسى:] «كىيمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئاپام چاپىنىنى ماڭا كىيدۈرۈپ قويدى.Ⅸ机?تۈرى: ى ى ياكى مەلۇم ئەزانى ياپماق، پۈركىمەك:[مىسال:] دوپپا كىيمەك. ئۆتۈك كىيمەك. تون كىيمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئورالماق، قاپلانماق:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزى يېشىل تون كىيگەن پايانسىز ۋادىلارغا تىكىلدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىر ئالماق:[مىسال:] بالا يىغلاپ ئۆينى بېشىغا كىيدى.

كيۇرىي

  • كيۇرىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] رادىئوئاكتىپلىق مېتال ئېلېېمنت. بەلگىسى (Curium) Cm. ئادەتتە ئۇ سۈنئىي ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئالەم كېمىلىرىدە ئىسسىقلىق ئېلېكتر مەنبەسى قىلىنىدۇ.

كىيىت

  • كىيىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توي بولۇشتىن ئىلگىرى ئوغۇل تەرەپتىن قىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېرىدىغان تويلۇق سوۋغىسى.

كىيىتلىك

  • كىيىتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىت ئۈچۈن تەييارلانغان نەرسە، سوۋغىلىق.

كىيىشمەك

  • كىيىشمەك[يەشمىسى:] «كىيمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] خېرىدارلار قولىدىكى گۈللىرى چاقناپ تۇرغان چىمەندوپپىنى ئاۋايلاپ ئېلىپ باشلىرىغا كىيىشىپ كۆرەتتى.

كىيىلمەك

  • كىيىلمەك[يەشمىسى:] «كىيمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] پادىشاھ ئاچچىقىغا بەس كېلەلمەي بارغان پېتى داپنى قولىغا ئاپتۇ-دە، خەزىنىدارنىڭ بېشىغا كېلىشتۈرۈپ ئۇرغانىكەن، داپ يېرىلىپ گەردىشى بوينىغا كىيىلىپ قاپتۇ.

كىيىم

  • كىيىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەدەننى ياكى ئايرىم ئەزالارنى يېپىش، ئوراش ئۈچۈن كىيىلىدىغان، رەخت ياكى تېرىدىن تىكىپ تەييارلىنىدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى.

كىيىمسىز

  • كىيىمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىيىمى يوق، كىيىم كىيمىگەن:[مىسال:] ئىنسانلار ھايۋانات دۇنياسىدىن ئايرىلىپ چىقىش بىلەن تەڭلا كىيىنىش بىلەن ئەمەس، بەلكى خېلى ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەرگىچە كىيىمسىز يالىڭاچ ھايات كەچۈرگەنلىكى مەلۇم. ∥ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئاياغ كىيىمسىز يۈرۈش ئادىتى (ئاساسەن ئىسسىق رايونلاردا) بار.

كىيىم-كېچەك

  • كىيىم-كېچەك[يەشمىسى:] كىيىلىدىغان نەرسىلەر، كىيىم.

كىيىملىك

  • كىيىملىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىيىمى بار، كىيىم كىيگەن:[مىسال:] بۇنداق ۋاقىتلاردا تۆت كوچىنىڭ دوقمۇشىدا پۇچقاقلىرىنى يانپىشىغىچە تۈرۈۋەتكەن يالاڭ كىيىملىك كەمبەغەللەر پەيدا بولاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىيىم تىكىلىدىغان، كىيىم قىلىشقا باب:[مىسال:] ئۇ تۇغقاندا بىز بىر كىيىملىك يىپەك رەخت بىلەن مۇبارەكلىگەن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىم قىلىنىدىغان رەخت:[مىسال:] بىر ئايدىن كېيىن مەن بازارغا بېرىپ كىيىملىك ئېلىشقا رۇخسەت سورىدىم.

كىيىندۈرمەك

  • كىيىندۈرمەك[يەشمىسى:] «كىيىنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شەرۋانەم سەھەر تۇرۇپلا بالىلارنى كىيىندۈرۈپ چاي بېرەتتى.

كىيىندۈرۈشمەك

  • كىيىندۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «كىيىندۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

كىيىندۈرۈلمەك

  • كىيىندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «كىيىندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شىرەنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقلاردا ھېلىمۇ چىرايلىق كىيىندۈرۈلگەن ئوغۇل-قىزلىرىنى يېتىلىۋالغان ئاتا-ئانىلار ئولتۇرۇشاتتى.

كىيىنمەك

  • كىيىنمەك[يەشمىسى:] «كىيمەك» پېئىلنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] چۈشكە يېقىن ئالىيېشىل كىيىنگەن قىز-جۇۋانلار توپ-توپ بولۇشۇپ كېلىشكە باشلىدى.

كىيىنىشمەك

  • كىيىنىشمەك[يەشمىسى:] «كىيىنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كېپىنەكتەك كىيىنىپ، ھۆر-پەرىلەردەك ياسىنىۋېلىشقان قىز-يىگىتلەر، پاكىز-رەتلىك كىيىنىشكەن ئوتتۇرا ياشلىقلار جۈپ-جۈپى بىلەن باغچىلارغا، مەنزىرىلىك جايلارغا سەلدەك ئاقماقتا ئىدى.