ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

4 پ 🔗

پ

پا

پائال

پائالىيەت

پائالىيەتچان

پائالىيەتچانلىق

پائالىيەتچى

پائالىيەتسىز

پائالىيەتسىزلىك

پائالىيەتشۇناس

پائالىيەتلىك

پائانگا

پاپا

پاپاخ

پاپالىق

پاپورتنىك

پاپىلىماق

پاتⅠ

پاتⅡ

پات يېقىندا

پاتⅢ

پاتⅣ

پاتاسا

پاتاق

پاتاكا

پاتاڭ

پاتاڭدىماق

پاتاڭگۇشلىماق

پات-پاتⅠ

پات-پاتⅡ

پاترون

پاترىئارخ

پاترىئارخال

پاترىئارخاللىق

پاتقاق

پاتقاق گازى

پاتقاقچىلىق

پاتقاقسىز

پاتقاقلاشماق

پاتقاقلىق

پاتقۇزماق

پاتلاتماق

پاتلاشماق

پاتلانماق

پاتلىماق

پاتماق

پاتمان

پاتمان-پاتمان

پاتمانلاپ

پاتمانلاپ-پاتمانلاپ

پاتمىچۇق

پاتمىخوتۇن

پاتولوگ

پاتولوگىيە

پاتۇرماق

پاتۇرۇشماق

پاتۇرۇلماق

پاتېفون

پاتېنت

پاتىپاراق

پاتىپاراقچىلىق

پاتىپاراقلاشتۇرماق

پاتىپاراقلاشتۇرۇلماق

پاتىپاراقلاشماق

پاتىپاراقلىق

پاتىھە

پاجىئە

پاجىئەلىك

پاچاقⅠ

پاچاققا پىت چۈشمەك

پاچاققا ئېسىلماق

پاچاقⅡ

پاچاق-چاپاق

پاچاقچى

پاچاقچىلىق

پاچاقلاتماق

پاچاقلاشماق

پاچاقلانماق

پاچاقلىماق

پاچكا

پاخال

پاخاللاشتۇرماق

پاخاللاشتۇرۇشماق

پاخاللاشتۇرۇلماق

پاخاللاشماق

پاخاللىق

پاخپاق

پاخپايتماق

پاخپايتىشماق

پاخپايتىلماق

پاخپايماق

پاختا

پاختا ئاتماق

پاختەك

پاختىكى ئوڭدا ئۇچماق

پاختىچى

پاختىچىلىق

پاختىزار

پاختىزارلىق

پاختىسىمان

پاختىكار

پاختىكارلىق

پاختىلاشتۇرماق

پاختىلاشماق

پاختىلىق

پاختىۋەن

پاخشە

پاخشەك

پاخما

پاخمىل

پادا

پادا-پادا

پادىچى

پادىچىلىق

پادىسىز

پادىشاھ

پادىشاھلىق

پادىشاھىئالەم

پادىلىق

پارⅠ

پارⅡ

پارⅢ

پارا

پارات

پاراتىف

پاراچ

پاراخوت

پاراخوتچى

پاراخوتچىلىق

پاراخوتسىز

پاراخوتلۇق

پارازىت

پارازىتلىق

پاراس

پاراسەت

پاراسەتسىز

پاراسەتسىزلىك

پاراسەتلىك

پاراس-پۇرۇس

پاراسسىدە

پاراسلاتماق

پاراسلىماق

پاراسىمپاتىك

پاراشوك

پاراشوكسىمان

پاراشۇت

پاراشۇتچى

پاراشۇتلۇق

پاراغەت

پاراغەتسىز

پاراغەتلىك

پارافىن

پاراقⅠ

پاراقⅡ

پاراق-پاراق

پاراق-پۇرۇق

پاراقچى

پاراققىدە

پاراقلاتماق

پاراقلاشماق

پاراقلىماق

پاراكەندە

پاراكەندىچىلىك

پاراكەندىلىك

پاراگراف

پاراگرافسىز

پاراگرافلىق

پاراڭ

پاراڭچى

پاراڭخۇمار

پاراڭخۇمارلىق

پاراڭلاشتۇرماق

پاراڭلاشماق

پاراللېل

پاراللېزم

پاراللېللىق

پارامان

پارامۇش

پارامېتىر

پاراۋان

پاراۋانچىلىق

پاراۋانلاشتۇرماق

پاراۋانلاشتۇرۇشماق

پاراۋانلاشتۇرۇلماق

پاراۋانلاشماق

پاراۋانلىق

پاراۋوز

پاراۋوزچى

پارە

پارە-پارە

پارەش

پارپاⅠ

پارپا

پار-پار

پار-پۇر

پارت

پارتا

پارتاڭچى

پارت-پۇرت

پارتكوم

پارتگۇرۇپپا

پارتلاتقۇچ

پارتلاتقۇچى

پارتلاتماق

پارتلاشماق

پارتلىتىلماق

پارتلىغۇچ

پارتلىماق

پارتىداش

پارتىداشلىق

پارتىزان

پارتىزانچە

پارتىزانلارچە

پارتىزانلىق

پارتىيە

پارتىيە-گۇرۇھ

پارتىيىسىز

پارتىيىسىزلىك

پارتىيىلىك

پارتىيىۋى

پارتىيىۋىلىك

پارچە

پارچە-پارچە

پارچە-پۇرات

پارچىلاتماق

پارچىلاشماق

پارچىلانماق

پارچىلىماق

پاررىدە

پارسⅠ

پارسⅡ

پارس-پارس

پارس-پۇرس

پارسچە

پارسىلداتماق

پارسىلداشماق

پارسىلدىماق

پارسىي

پارقىراتماق

پارقىراشماق

پارقىراق

پارقىراقلىق

پارقىرىتىلماق

پارقىرىغاق

پارقىرىغاقلىق

پارقىرىماق

پارك

پارلاتماق

پارلاشماق

پارلاق

پارلامېنت

پارلامېنتلىق

پارلاندۇرماقⅠ

پارلاندۇرماقⅡ

پارلاندۇرۇلماق

پارلانماقⅠ

پارلانماقⅡ

پارلىق

پارلىماقⅠ

پارلىماقⅡ

پارلىنىش

پارنىك

پارول

پارۋاي

پارۋايلىق

پارىخور

پارىخورلۇق

پارىلداتماق

پارىلداشماق

پارىلدىتىلماق

پارىلدىماق

پازىل

پازىللىق

پاژ

پاژ-پاژ

پاژ-پۇژ

پاژژىدە

پاژىلداتماق

پاژىلداشماق

پاژىلدىماق

پاسⅠ

پاسⅡ

پاساتⅠ

پاساتⅡ

پاساتچىلىق

پاسار

پاسار-پۇسقات

پاساڭⅠ

پاساڭداتماق

پاساڭداشماق

پاساڭدالماق

پاساڭدىماق

پاساھەت

پاساھەتلىك

پاس-پاس

پاسپاس

پاسپورت

پاس-پۇس

پاستا

پاسخا

پاسسات

پاسسىپ

پاسسىپلاشتۇرماق

پاسسىپلاشتۇرۇشماق

پاسسىپلاشتۇرۇلماق

پاسسىپلاشماق

پاسسىپلىق

پاسكال

پاسكىنا

پاسكىنا-پۈسكىنە

پاسكىنچىلىق

پاسكىنىلاشتۇرماق

پاسكىنىلاشتۇرۇشماق

پاسكىنىلاشتۇرۇلماق

پاسكىنىلاشماق

پاسكىنىلىق

پاسلاشماق

پاسون

پاسۇنلۇق

پاسىبان

پاسىبانلىق

پاسىق

پاسىقلىق

پاسىل

پاسىلداق

پاش

پاشاⅠ

پاشاⅡ

پاششاپ

پاششاپبېگى

پاششاپلىق

پاشنا

پاشنىلىق

پاشىلىق

پاشىئوت

پاق

پاقاⅠ

پاقىسى قانماق

پاقاⅡ

پاقالچاق

پاق-پۇق

پاقشىماق

پاققىدە

پاقلان

پاقۇل

پاقىچار

پاقىچاناق

پاقىچىغىرتمىقى

پاقىچىلاپ

پاقىلەش

پاقىلداتماق

پاقىلداشماق

پاقىلداق

پاقىلدىماق

پاقىلىقⅠ

پاقىلىق

پاقىئوت

پاقىيوپۇرماق

پاك

پاكار

پاكار-پاكار

پاكارلاتماق

پاكارلاشماق

پاكارلىتىلماق

پاكارلىماق

پاك-پاكىز

پاكلاشتۇرماق

پاكلاشتۇرۇشماق

پاكلاشتۇرۇلماق

پاكلاشماق

پاكلانماق

پاكلىق

پاكلىماق

پاكىت

پاكىتسىز

پاكىتلىق

پاكىز

پاكىزلاتماق

پاكىزلاشماق

پاكىزلانماق

پاكىزلىق

پاكىزلىماق

پاكىنەك

پاگون

پاگونسىز

پاگونلۇق

پاڭⅠ

پاڭⅡ

پاڭⅢ

پاڭⅣ

پاڭپارىماق

پاڭ-پاڭ

پاڭ-پۇڭ

پاڭچۇ

پاڭقايⅠ

پاڭقايⅡ

پاڭقايلىق

پاڭقۇش

پاڭڭىدە

پاڭىلداتماق

پاڭىلدىماق

پالⅠ

پالⅡ

پالاتا

پالاتماق

پالاسⅠ

پالاسⅡ

پالاس-پالاس

پالاسلاتماق

پالاسلاشماق

پالاسلىماق

پالاشماقⅠ

پالاشماقⅡ

پالاقⅠ

پالاقⅡ

پالاقⅢ

پالاق-پالاق

پالاق-پۇلۇق

پالاقتۇمشۇق

پالاقچە

پالاققىدە

پالاقلاتماق

پالاقلاشماق

پالاقلىماق

پالاقمان

پالاكەت

پالاكەتچىلىك

پالاكەتلەشتۈرمەك

پالاكەتلەشتۈرۈلمەك

پالاكەتلەشمەك

پالاكەتلىك

پالاڭ

پالان

پالان-پۇستان

پالان-پوكۇن

پالانچى

پالانچى-پەمدىمانچى

پالانچى-پوكۇنچى

پالانچى-پۇستانچى

پالاندى

پالانماق

پالانى

پالانى-پوكۇنى

پالانى-پۇستانى

پالەچ

پالەچلەنمەك

پالەچلىك

پالەك

پالەكلىك

پال-پال

پال-پۇل

پالتا

پالتۇك

پالچى

پالچىق

پالچىلىق

پالسىز

پالقان

پالكۆز

پاللادىي

پالما

پالمىلىق

پالنامە

پالوپا

پالۋان

پالۋانلارچە

پالۋانلىق

پالېئونتولوگىيە

پالىلداتماق

پالىلداشماق

پالىلدىماق

پالىماق

پالىنولوگىيە

پامپا

پانا

پانار

پاناق

پاناھ

پاناھدىماق

پاناھسىز

پاناھسىزلىق

پاناھگاھ

پاناھلانماق

پاناھلىق

پاناھلىنىشماق

پانئامېرىكانىزم

پانئامېرىكىچىلىق

پانتوتېن

پانتوگراف

پانتۈركىزم

پانتۈركىزمچىلىك

پانتۈركىست

پانتېئىزم

پانروھچىلىق

پانۇس

پانۇسچى

پانۇسگۈل

پانئىدراكچىلىق

پانئىسلامىزم

پانئىسلامىزمچى

پانئىسلامىزملىق

پانئىسلامىست

پانئىلاھچىلىق

پانىلاتماق

پانىلانماق

پانىلىق

پانىلىماق

پانىي

پاھ

پاھىشە

پاھىشىخانا

پاھىشىۋاز

پاھىشىۋازلىق

پائۇزا

پاۋان

پاۋلونىيە

پاۋىئان

پائىلاتۇن

پائىلۇن

پايⅠ

پايⅡ

پايⅢ

پايⅣ

پايان

پايانداز

پاياندازلىق

پايانسىز

پايە

پايپاس

پايپاس-پايپاس

پايپاسلاتماق

پايپاسلاشماق

پايپاسلىتىلماق

پايپاسلىماق

پايپاق

پايپاققا دەسسىمەك

پايپاققا نال قاققاندەك

پايپاقچىلىق

پايپاقلىق

پايپېتەك

پايپېتەكچىلىك

پايپىلىقۇش

پايتەخت

پايتىما

پايتىمىسى چۇۋۇلماق

پايتىمىسىز

پايتىمىلىق

پايچى

پايچىلىق

پايخان

پايخانلىماق

پايدا

پايدا-زىيان

پايدا-مەنپەئەت

پايدىسىز

پايدىسىزلىق

پايدىكەش

پايدىلاندۇرماق

پايدىلانماق

پايدىلىق

پايدىلىنىشماق

پايدىلىنىلماق

پايزا

پايسۇق

پايسىندۇرماق

پايسىنماق

پايسىنىشماق

پايكا

پايلاتماقⅠ

پايلاتماقⅡ

پايلاشماقⅠ

پايلاشماقⅡ

پايلاق

پايلاقچى

پايلاقچىلىق

پايلاقلىق

پايلىماقⅠ

پايلىماقⅡ

پايمال

پايمۇپاي

پايناپ

پاينەك

پاينەكسىز

پاينەكلىك

پاينەكۋاش

پەپ

پەپەپلىمەك

پەپىلەتمەك

پەپىلەشتۈرمەك

پەپىلەشمەك

پەپىلەنمەك

پەپىلىمەك

پەتە

پەتەك

پەتەكبۇرۇن

پەتتە

پەتتىسىز

پەتتىلىك

پەتلە

پەتلىسىز

پەتلىلىك

پەتنۇس

پەتىچى

پەتىلەتمەك

پەتىلەشمەك

پەتىلىمەك

پەتىۋا

پەتىۋاچى

پەتىۋاچىلىق

پەجمۇردە

پەچەك

پەچىم

پەچىملەتمەك

پەچىملەشمەك

پەچىملەنمەك

پەچىملىمەك

پەخەس

پەخەسلىك

پەخرىي

پەخىر

پەخىرلەندۈرمەك

پەخىرلەنمەك

پەخىرلىك

پەخىرلىنىشمەك

پەدە

پەدەر

پەدىلىك

پەرەز

پەرەزىي

پەرەك

پەرەڭ

پەرەڭگۈل

پەرەنجە

پەرەنجىلىك

پەربۇن

پەرتⅠ

پەرتⅡ

پەرتتىدە

پەرتۇق

پەرتۇقلۇق

پەرداز

پەردازچى

پەردازچىلىق

پەردازخور

پەردازخورلۇق

پەردازسىز

پەردازلاتماق

پەردازلاشماق

پەردازلانماق

پەردازلىق

پەردازلىماق

پەردە

پەردىسىمان

پەردىشەپ

پەردىشەپسىز

پەردىشەپلىك

پەردىلەشمەك

پەردىلەنمەك

پەردىلىك

پەردىلىمەك

پەرز

پەرزەنت

پەرزەنتسىز

پەرزەنتسىزلىك

پەرزەنتلىك

پەرزىن

پەرق

پەرق-تاپاۋەت

پەرقسىز

پەرقسىزلىق

پەرقلەندۈرمەك

پەرقلەندۈرۈشمەك

پەرقلەندۈرۈلمەك

پەرقلەنمەك

پەرقلىق

پەركاⅠ

پەركاⅡ

پەرلەتمەك

پەرلەشمەك

پەرلىگۈچ

پەرلەنمەك

پەرلىمەك

پەرمان

پەرمانبەردار

پەرمانبەردارلىق

پەرمانچى

پەرمانسىز

پەرمۇدە

پەرمۇدىچى

پەرمۇدىچىلىك

پەرمۇق

پەرھىز

پەرھىزسىز

پەرھىزكار

پەرھىزكارلىق

پەرھىزلىك

پەرۋا

پەرۋاز

پەرۋاسىز

پەرۋاسىزلىق

پەرۋانە

پەرۋەردىگار

پەرۋىش

پەرۋىشچى

پەرۋىشسىز

پەرۋىشكار

پەرۋىشلىمەك

پەرى

پەرىجە

پەرىجىلىك

پەرىزات

پەرىشان

پەرىشانلىق

پەرىشتە

پەرياد

پەزا

پەزل

پەزلەنمەك

پەزىلەت

پەزىلەتسىز

پەزىلەتلىك

پەس

پەسەندە

پەسەندىلىك

پەسەيتمەك

پەسەيتىلمەك

پەسەيمەك

پەستەۋەت

پەسكەش

پەسكەشلەشمەك

پەسكەشلىك

پەسكوي

پەسلەتمەك

پەسلەشتۈرمەك

پەسلەشتۈرۈشمەك

پەسلەشتۈرۈلمەك

پەسلەشمەك

پەسلىك

پەسلىمەك

پەسىل

پەسىلچان

پەسىلچانلىق

پەسىلداش

پەسىلداشلىق

پەسىللىك

پەشⅠ

پەشⅡ

پەشⅢ

پەشⅣ

پېشىگە ئېسىلماق

پېشىنى تۇتماق

پېشىنى قاقماق

پەشتاختا

پەشتاختىسىز

پەشتاختىلىق

پەشتاق

پەشتاقلىق

پەشتاما

پەشتامىسىز

پەشتامىلىق

پەشخۇن

پەشخۇنسىز

پەشخۇنلۇق

پەشسىمان

پەشلەتمەك

پەشلەنمەك

پەشلىك

پەشلىمەك

پەشمەتⅠ

پەشمەتⅡ

پەشمەتسىز

پەشمەتلىك

پەشۋا

پەشۋاچى

پەشۋالاشماق

پەشۋالىماق

پەغەز

پەقەت

پەقەش

پەكەش

پەكەشلەنمەك

پەكەشلىمەك

پەگاھ

پەلەستىن

پەلەك

پەلەمپەي

پەلەمپەيلىك

پەلەي

پەلەيلىك

پەلتەڭ

پەلتو

پەلتولۇق

پەلسەپە

پەلسەپىچى

پەلسەپىۋاز

پەلسەپىۋازلىق

پەلسەپىۋى

پەلكەت

پەلكۈچ

پەلكۈچلەنمەك

پەلكۈچلىمەك

پەللە

پەللەك

پەللىمە

پەللىمەك

پەللىمۇپەللە

پەلىپەتىش

پەلىپەتىشلىك

پەم

پەم-پاراسەت

پەم-پاراسەتسىز

پەم-پاراسەتلىك

پەمسىز

پەمسىزلىك

پەملەشمەك

پەملەنمەك

پەملىك

پەملىمەك

پەمىدۇر

پەمىدۇرلۇق

پەمىلچاي

پەن

پەنەركە

پەنت

پەن-تېخنىكا

پەن-تېخنىكىسىز

پەن-تېخنىكىلىق

پەنجەⅠ

پەنجەⅡ

پەنجەⅢ

پەنجىرە

پەنجىرىلىك

پەنجىگاھ

پەنجىلەشمەك

پەنجىلەنمەك

پەنجىلىك

پەنجىلىمەك

پەند

پەندنامە

پەند-نەسىھەت

پەندىيات

پەنساد

پەنلىمەك

پەن-مەرىپەت

پەننىي

پەننىيلەشتۈرمەك

پەننىيلەشتۈرۈلمەك

پەننىيلەشمەك

پەننىيلىك

پەۋاز

پەۋازسىز

پەۋازلاتماق

پەۋازلاشماق

پەۋازلانماق

پەۋازلىق

پەۋازلىماق

پەۋەس

پەۋقۇلئاددە

پەۋقۇلئاددىلىق

پەيⅠ

پەيⅡ

پېيىدە بولماق

پېيىدە يۈرمەك

پېيىگە چۈشمەك

پېيىگە كىرمەك

پېيىنى قىرقىماق

پەيⅢ

پەيت

پەيتۇن

پەيتىدە

پەيجاڭ

پەيجەمبى

پەيجۇ

پەيچۇسو

پەيدا

پەيدا بولماق

پەيدا قىلماق

پەيدىنپەي

پەيز

پەيزسىز

پەيزلىك

پەيسىز

پەيسىمان

پەيشەنبە

پەيشەنبە بازار

پەيشەنبىلىك

پەيغەمبەر

پەيغەمبەرلەرچە

پەيغەمبەرلىك

پەيقۇ

پەيل

پەيلاسوپ

پەيلاسوپلۇق

پەيلىك

پەيمان

پەيمانە

پەيمانىسى توشماق

پەينەۋرە

پەينەۋرىلىك

پتېروكارىيە

پراكتىكا

پراكتىكانت

پراگماتىزم

پراۋا

پروبىركا

پروپورتسىيە

پروپورتسىيىلىك

پروتاكتىنىي

پروتوپلازما

پروتوزوئا

پروتون

پروتېئازا

پروتىي

پروزا

پروزىچىلىق

پروفېسسور

پروفېسسورلۇق

پروكات

پروكاتلىماق

پروكائىن

پروگرامما

پروگراممىلىق

پروگرېسسىيە

پرولېتار

پرولېتارىيات

پرولېتارىياتلىق

پرومېتىي

پرويېكتور

پرويېكسىيە

پرېزىدېنت

پرېس

پرېستان

پرېسلاتماق

پرېسلاشماق

پرېسلانماق

پرېسلىماق

پرىتسېپ

پرىتسېل

پرىدىن

پرىزما

پرىمىدىن

پرىنسىپ

پرىنسىپال

پرىنسىپاللىق

پرىنسىپسىز

پرىنسىپسىزلىق

پسىخولوگ

پسىخولوگىيە

پسىخولوگىيىلىك

پسىخىكا

پسىخىكىلىق

پلاتىنا

پلازما

پلازمېت

پلاستىنكا

پلاكات

پلاكاتچى

پلانېتا

پلانېر

پلانېرچى

پلانىمېتىرىيە

پلائۇن

پلۇتون

پلۇتونىي

پليونكا

پوⅠ

پو ئاتماق

پوⅡ

پوپ

پوپاي

پوپايكا

پوپايكىسىز

پوپايكىلىق

پوپكا

پوپكىسىز

پوپكىلىق

پوپوزا

پوپوزىچى

پوپۇچ

پوپىلىماق

پوتا

پوتا سالماق

پوتا ئويۇنى

پوتال

پوتاللىق

پوتەي

پوتلا

پوتلىلىق

پوتلىسىمان

پوتېنسىئال

پوتېنسئومېتىر

پوتىلىق

پوجاڭزا

پوچتاⅠ

پوچتاⅡ

پوچتا-تېلېگراف

پوچتىخانا

پوچتىكەشⅠ

پوچتىكەشⅡ

پوچتىكەشلىكⅠ

پوچتىكەشلىكⅡ

پوچېركا

پوچىⅠ

پوچىⅡ

پوچىلىق

پوخور

پوخورلۇق

پودوكارپۇس

پودۋال

پور

پوراچ

پورەكⅠ

پورەكⅡ

پورەكلەتمەك

پورەكلىمەك

پورپاڭ

پورپاڭلىق

پورتⅠ

پورتⅡ

پورت-پورت

پورتتىدە

پورترېت

پورتۇگال

پورتۇگالچە

پورداق

پورداقچى

پورداقچىلىق

پورشېن

پورشېنسىز

پورشېنلىق

پورفىر

پورفىن

پوركاپⅠ

پوركاپⅡ

پورلاشتۇرماق

پورلاشماق

پورلۇق

پورما

پورۇق

پورۇق-پورۇق

پورۇققىدە

پورۇقلاتماق

پورۇقلاشماق

پورۇقلىماق

پوزا

پوزىترون

پوزىتسىيە

پوزنەك

پوس

پوستⅠ

پوستⅡ

پوستەك

پوستەكچى

پوستەكچىلىك

پوستلاق

پوستلۇق

پوستۇمبا

پوسسىدە

پوسكاللا

پوسما

پوسمىسىز

پوسمىلىق

پوسۇر

پوسۇر-پوسۇر

پوسۇرلاشماق

پوسۇرلىماق

پوسۇق

پوسۇققىدە

پوسۇلكا

پوش

پوش-پوش

پوشكال

پوشكالچى

پوشكالچىلىق

پوق

پوق قورساق

پوقنى ئىككىگە بۆلەلمەسلىك

پوقى چوڭ

پوقىغا كەتمەك

پوقى قاتماق

پوقىنى بوغۇزلىماق

پوقىنى چېلىپ ئىچىدىغان

پوقىنى ئېرىغدىماق

پوق يېمە

پوق يېمەك

پوقاق

پوقاقلىق

پوقچى

پوقلاق

پوقلاشماق

پوقلىماق

پوقلانماق

پوك

پوكانⅠ

پوكانⅡ

پوكانچى

پوكانچىلىق

پوك-پوك

پوككا

پوككىدە

پوكۇلداتماق

پوكۇلداشماق

پوكۇلدىماق

پوكۇن

پوكۇنچى

پوكۇنچى-پوستانچى

پوكۇنى

پوڭ

پوڭ-پوڭ

پوڭڭىدە

پوڭۇلداتماق

پوڭۇلدىماق

پول

پولا

پولاباش

پولات

پولات-تۆمۈر

پولەك

پولەكچە

پولتۇق

پولتۇق-پولتۇق

پولتوققىدە

پولتۇقلاتماق

پولتۇقلاشماق

پولتۇقلىماق

پولتۇڭ

پولتۇڭ-پولتۇڭ

پولتۇڭڭىدە

پولتۇڭلاتماق

پولتۇڭلاشماق

پولتۇڭلىماق

پولدۇر

پولدۇر-پولدۇر

پولدۇرۇڭ

پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ

پولدۇرۇڭ-سولدۇرۇڭ

پولدۇڭ

پولدۇڭ-سولدۇڭ

پولكا

پوللۇق

پولونىي

پولۇ

پولىتسېرىن

پولىتېخنىكا

پولىمىر

پولىمىرلار

پورمىرلانماق

پوليارىسكوپ

پوم

پومبۇلاق

پومپا

پومپاق

پومپايتماق

پومپايتىشماق

پومپايماق

پومداق

پومداقلاشماق

پومداقلىماق

پومزەك

پومساق

پومسايتماق

پومسايماق

پوملاپ-سوملاپ

پوملاتماق

پوملاشماق

پوملاق

پوملاقلاتماق

پوملاقلاشماق

پوملاقلانماق

پوملاقلىق

پوملاقلىماق

پوملانماق

پوملىماق

پومېشچىك

پوند

پونكىت

پوۋېست

پوۋۇسكا

پوئېما

پويرارىيە

پويىز

پۇبلىستىكا

پۇتⅠ

پۇت تېپىشمەك

پۇتقا ھۆل خىش قويماق

پۇتⅡ

پۇتاشماق

پۇتاق

پۇتاقلىق

پۇتالماق

پۇتبول

پۇت-قول

پۇت-قولىنى چۈشىمەك

پۇتلاتماق

پۇتلاشتۇرماق

پۇتلاشتۇرۇشماق

پۇتلاشتۇرۇلماق

پۇتلاشماق

پۇتلانماق

پۇتلۇقⅠ

پۇتلۇقⅡ

پۇتلىكاشاڭ

پۇتلىكاشاڭلىق

پۇتلىماق

پۇتىماق

پۇجۇڭ

پۇچ

پۇچەك

پۇچەكلەشتۈرمەك

پۈچەكلەشتۈرۈشمەك

پۇچەكلەشتۈرۈلمەك

پۇچەكلەشمەك

پۇچەكلىك

پۇچقاقⅠ

پۇچقاق

پۇچقاقلىق

پۇچۇق

پۇچۇقلاشماق

پۇچۇقلانماق

پۇچۇقلىماق

پۇچۇلدۇرماق

پۇچۇلماق

پۇچۇلۇشماق

پۇچىلاتماق

پۇچىلاشماق

پۇچىلانماق

پۇچىلىماق

پۇخا

پۇختا

پۇختىلاتماق

پۇختىلاشماق

پۇختىلانماق

پۇختىلىق

پۇختىلىماق

پۇرⅠ

پۇرⅡ

پۇراتماق

پۇراشتۇرماق

پۇراشماق

پۇراق

پۇراقسىز

پۇراقلىق

پۇر-پۇر

پۇرجا

پۇرچاق

پۇرچاقچى

پۇرچاقلىق

پۇررىدە

پۇرژىنا

پۇرژىنىلىق

پۇرسەت

پۇرسەتپەرەس

پۇرسەتپەرەسلىك

پۇرقەت

پۇرقەتلىك

پۇرقۇتماق

پۇرقۇشماق

پۇرقۇماق

پۇرقىراتماق

پۇرقىراشماق

پۇرقىرىماق

پۇرۇپكا

پۇرۇپكىسىمان

پۇرۇپكىلىق

پۇرۇچ

پۇرۇلداتماق

پۇرۇلداشماق

پۇرۇلدىماق

پۇرىتىلماق

پۇرىماق

پۇرىن

پۇزا

پۇزۇر

پۇزۇرلاشماق

پۇزىلىماق

پۇس

پۇستانچى

پۇستانى

پۇسسىدە

پۇسكايتماق

پۇسكايتىلماق

پۇسكايماق

پۇسكىيىشماق

پۇسمىلاق

پۇسۇر

پۇسۇر-پۇسۇر

پۇسۇرلىماق

پۇسۇلدىماق

پۇش

پۇشايمان

پۇشايمانسىز

پۇشايمانلىق

پۇش-پۇش

پۇشت

پۇشتاڭ

پۇشتەك

پۇشتگەردان

پۇشتىپاناھ

پۇشتىپاناھسىز

پۇشتىپاناھلىق

پۇشقۇرتماق

پۇشقۇرماق

پۇشقۇرۇشماق

پۇشماق

پۇشۇرماق

پۇشۇرۇشماق

پۇشۇق

پۇشۇقماق

پۇشۇلداتماق

پۇشۇلداشماق

پۇشۇلدىماق

پۇقرا

پۇقراپەرۋەر

پۇقراچە

پۇقراچىلىق

پۇقرالىق

پۇڭⅠ

پۇڭⅡ

پۇڭلۇقⅠ

پۇڭلۇقⅡ

پۇڭمەنزە

پۇل

پۇلا

پۇلاڭ

پۇلاڭ-پۇلاڭ

پۇلاڭ-سالاڭ

پۇلاڭڭىدە

پۇلاڭلاتماق

پۇلاڭلاشماق

پۇلاڭلىماق

پۇل-بىسات

پۇلپەرەس

پۇلپەرەسلىك

پۇل-پۇچەك

پۇلتايتماق

پۇلتايماق

پۇلتىيىشچان

پۇلتىيىشماق

پۇلدار

پۇلدان

پۇلسىرات

پۇلسىز

پۇلسىزلىق

پۇللۇق

پۇل-مال

پۇلۇق

پۇمىي

پۇنۇس

پۇيپۇلىماق

پۆپۈچەك

پۆپۈچەكلىك

پۆپۈك

پۆپۈكسىز

پۆپۈكسىمان

پۆپۈكلىمەك

پۆپۈكلۈك

پۆرە

پۆشۈلۈ

پۈتەي

پۈتەيلىك

پۈتكۈزمەكⅠ

پۈتكۈزمەكⅡ

پۈتكۈزمەكⅢ

پۈتكۈزۈشمەكⅠ

پۈتكۈزۈشمەكⅡ

پۈتكۈزۈلمەكⅠ

پۈتكۈزۈلمەكⅡ

پۈتكۈزۈلمەكⅢ

پۈتكۈل

پۈتمەس

پۈتمەس-تۈگىمەس

پۈتمەكⅠ

پۈتمەكⅡ

پۈتمەكⅢ

پۈتمەكⅣ

پۈتمىش

پۈتۈشتۈرمەك

پۈتۈشمەكⅠ

پۈتۈشمەكⅡ

پۈتۈشمەكⅢ

پۈتۈشمەكⅣ

پۈتۈكⅠ

پۈتۈكⅡ

پۈتۈكچى

پۈتۈكچىلىك

پۈتۈكلۈك

پۈتۈلمەك

پۈتۈم

پۈتۈن

پۈتۈن-سۈرۈك

پۈتۈنلەتمەك

پۈتۈنلەشمەك

پۈتۈنلەنمەك

پۈتۈنلەي

پۈتۈنلۈك

پۈتۈنلىمەك

پۈركەتمەك

پۈركەشمەك

پۈركەلمەك

پۈركەنچە

پۈركەنچىلىك

پۈركەنمەك

پۈركۈتمەك

پۈركۈشمەك

پۈركۈگۈچ

پۈركۈلمەك

پۈركۈمەك

پۈركىمەك

پۈرلەش

پۈرلەشتۈرمەك

پۈرلەشتۈرۈشمەك

پۈرلەشتۈرۈلمەك

پۈرلەشمەك

پۈرلىمەك

پۈرمە

پۈرمەكⅠ

پۈرمەكⅡ

پۈرمىلەتمەك

پۈرمىلەنمەك

پۈرمىلىك

پۈرمىلىمەك

پۈرۈشتۈرمەك

پۈرۈشمەك

پۈرۈك

پۈرۈكلۈك

پۈرۈلمەك

پۈرۈم

پۈرۈم-پۈرۈم

پۈزەك

پۈكتۈرمەك

پۈكلەتمەك

پۈكلەشتۈرمەك

پۈكلەشتۈرۈلمەك

پۈكلەشمەك

پۈكلەكلىك

پۈكلەنمەك

پۈكلىمە

پۈكلىمەك

پۈكمەك

پۈكۈك

پۈكۈلمەك

پۈگە

پۈگەت

پۈگەتسىز

پۈگەتلىك

پۈھ

پۈۋ

پۈۋەك

پۈۋلەتمەك

پۈۋلەشمەك

پۈۋلەنمەك

پۈۋلىمەك

پې

پېپتىد

پېپسىن

پېتەك

پېتەكسىز

پېتەكگۈل

پېتروخىمىيە

پېتروگرافىيە

پېترولوگىيە

پېتىر

پېتىرىغا يانماق

پېتىشماق

پېتىق

پېتىقچىلىق

پېتىقلاتماق

پېتىقلاشماق

پېتىقلىق

پېتىقلانماق

پېتىقلىماق

پېتلە

پېتىنىشماق

پېتىنقى

پېتىنماق

پېچەت

پېچەتلەتمەك

پېچەتلەشمەك

پېچەتلەنمەك

پېچەتلىك

پېچەتلىمەك

پېچەكⅠ

پېچەكⅡ

پېچەكلىك

پېچىنە

پېداگوگ

پېداگوگىكا

پېداگوگىكىلىق

پېرە

پېرسوناژ

پېرسوناژسىز

پېرسوناژلىق

پېرېۋوت

پېرىخون

پېرىخونلۇق

پېرىسكوپ

پېرىمېتىر

پېزېتا

پېسە

پېسەندە

پېسسىمىزم

پېسسىمىزملىق

پېسو

پېشاب

پېشانە

پېشانە تەرى

پېشانىدىن كەتمەسلىك

پېشانىغا پۈتۈلگەن

پېشانىغا يېزىلغان

پېشايۋان

پېشايۋانلىق

پېشقەدەم

پېشكا

پېشكەل

پېشكەلچىلىك

پېشكەللىك

پېشۋا

پېشىۋالىق

پېشىن

پېقىر

پېقىرانە

پېقىرپەرۋەر

پېقىرلىق

پېقىرىما

پېقىش

پېگاس

پېلەك

پېلەكسىز

پېلەكلىك

پېلەكلىمەك

پېلۋېتسىيە

پېنتادا

پېنسىلىن

پېنسىيە

پېئىلⅠ

پېئىلⅡ

پېئىللىقⅠ

پېئىللىقⅡ

پى

پىئانىنو

پىئانىنوچى

پىپى

پىت

پىت ئۈچەي

پىت يېگەن

پىتپاڭزا

پىتلاشماق

پىتلانماق

پىتلىق

پىتلىماق

پىتنە

پىتنە-پاسات

پىتنە-پاساتچىلىق

پىتنە-پاساتچى

پىتنە-پاساتلىق

پىتنە-ئىغۋا

پىتنىچى

پىتنىخور

پىتنىخورلۇق

پىتىرⅠ

پىتىرⅡ

پىتىرا

پىتىراتماق

پىتىراشماق

پىتىراڭغۇ

پىتىراڭغۇلۇق

پىتىر-پىتىر

پىتىر-سەدىقە

پىتىرلاشماق

پىتىرلىماق

پىتىرىماق

پىتىق

پىتىق-پىتىق

پىتىقلاتماق

پىتىقلاشماق

پىتىقلىماق

پىتىگە

پىچاق

پىچاق سۆڭەككە يەتمەك

پىچاق سۈرمەك

پىچاققا يارىغۇدەك

پىچىقى كەسمەك

پىچاقچى

پىچاقچىلىق

پىچاقلاشماق

پىچاقلانماق

پىچاقلىق

پىچاقلىماق

پىچان

پىچانگۈل

پىچانلىق

پىچەكگۈل

پىچماق

پىچۇرماق

پىچىر

پىچىر-پىچىر

پىچىرلاتماق

پىچىرلاشماق

پىچىرلىماق

پىچىشماق

پىچىلماق

پىچىم

پىچىمچى

پىچىمچىلىق

پىخ

پىخ-پىخ

پىخسىق

پىخسىقلىق

پىخىلداتماق

پىخىلداشماق

پىخىلدىماق

پىدا

پىدا بولماق

پىدا قىلماق

پىداكار

پىداكارانە

پىداكارلىق

پىدالىق

پىدائىي

پىدائىيلارچە

پىدائىيلىق

پىدىگەن

پىرⅠ

پىرⅡ

پىراق

پىرامىدا

پىراۋەدى

پىرەنىك

پىر-پىر

پىرت

پىرت-پىرت

پىرتتىدە

پىرروتىت

پىررول

پىررىدە

پىرسەنت

پىرسەنتلەشتۈرمەك

پىرسەنتلەشتۈرۈشمەك

پىرسەنتلەشتۈرۈلمەك

پىرسەنتلەشمەك

پىرسەنتلىك

پىرغاي

پىرقە

پىرقىراتماق

پىرقىراشماق

پىرقىراتما

پىرقىرىتىلماق

پىرقىرىغۇچ

پىرقىرىما

پىرقىرىماق

پىركامىل

پىرمە

پىرئون

پىروزا

پىر-ئۇستاز

پىرىقⅠ

پىرىقⅡ

پىرىق-پىرىق

پىرىلداتماق

پىرىلداشماق

پىرىلدىماق

پىژ

پىژ-پىژ

پىژغىرىم

پىژژىدە

پىژىلداتماق

پىژىلداشماق

پىژىلدىماق

پىس

پىسەنت

پىس-پىس

پىستان

پىستانلىق

پىستەⅠ

پىستەⅡ

پىستە-بادام

پىستىرما

پىسسىدە

پىسق

پىسق-پاسات

پىسق-پاساتچى

پىسىرⅠ

پىسىرⅡ

پىسىر-پىسىر

پىسىرلاشماق

پىسىرلىماق

پىسىڭ

پىسىڭ-پىسىڭ

پىسىڭڭىدە

پىسىلداتماق

پىسىلداشماق

پىسىلداق

پىسىلدىماق

پىسىنچا

پىش

پىشا

پىشاڭ

پىشاڭلىق

پىش-پىش

پىششىدە

پىششىق

پىششىقلاتماق

پىششىقلانماق

پىششىقلىق

پىششىقلىماق

پىششىقماق

پىشقىن

پىشكە

پىشلاق

پىشماقⅠ

پىشماقⅡ

پىشۇرماق

پىشۇرۇشماق

پىشۇرۇقلۇق

پىشۇرۇلماق

پىشىشماق

پىشىلغاق

پىشىلماق

پىشىم

پىغان

پىغانسىز

پىغانلىق

پىكاپ

پىكاپلىق

پىكرات

پىكۇس

پىكىر

پىكىر-تەلەپ

پىكىر-خىيال

پىكىرداش

پىكىرداشلىق

پىكىرلەشمەك

پىكىرلىك

پىگمېنت

پىگمېنتلىق

پىڭ

پىڭ-پىڭ

پىڭڭىدە

پىڭىلداشماق

پىڭىلدىماق

پىلⅠ

پىلⅡ

پىلاتى

پىلان

پىلانچان

پىلانچانلىق

پىلانچى

پىلانچىلىق

پىلانسىز

پىلانسىزلىق

پىلانلاتماق

پىلانلاشماق

پىلانلانماق

پىلانلىق

پىلانلىماق

پىلە

پىلە قۇرتى

پىلپىل

پىل-پىل

پىلپىلگۈل

پىلتا

پىلتىكۈچ

پىلتىڭ

پىلتىڭ-پىلتىڭ

پىلتىڭلاتماق

پىلتىڭلاشماق

پىلتىڭلىماق

پىلتىڭڭىدە

پىلتىلاتماق

پىلتىلاشماق

پىلتىلانماق

پىلتىلىق

پىلتىلىماق

پىلخانا

پىلدىر

پىلدىر-پىلدىر

پىلدىرلاتماق

پىلدىرلاشماق

پىلدىرلىغۇچ

پىلدىرلىماق

پىللىدە

پىلۇس

پىلىپاختا

پىلىتا

پىلىچەك

پىلىچى

پىلىچىلىك

پىلىخانا

پىلىك

پىلىكلىك

پىلىكئوت

پىلىلداتماق

پىلىلداشماق

پىلىلدىماق

پىلىموت

پىلىموتچى

پىلىموتچىلىق

پىلىموتلۇق

پىنانⅠ

پىنانⅡ

پىنە

پىنەك

پىنتاڭ

پىنتوزا

پىنجەك

پىنجەكلىك

پىندەك

پىندىق

پىنگۋىن

پىننە

پىننىلىك

پىنھان

پىنھانلىق

پىئونېر

پىئونېرلارچە

پىئونېرلىق

پىۋا

پىۋىچى

پىۋىچىلىك

پىۋىخانا

پىيادە

پىياز

پىيىزى پىشماسلىق

پىيىزى گىچ-گىچ

پىيازگۈل

پىيازلىق

پىيالە

پىيالىسىمان

پىيىزەك

پىيما

پىيمىچى

پىيمىچىلىق

پىيمىلىق

ئىزاھى

پ

  • پ[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ تۆتىنچى ھەرىپى. رەت تەرتىپى جەھەتتىن تۆتىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما. ئايرىم شەكلى «پ»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «پ»، باش ۋە ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «پ»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ىپ» ئوقۇلۇشى ياكى نامى «پې»، «پ» ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن قوش لەۋ تاۋۇشقا، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن پارتىلىغۇچى تاۋۇشىغا، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرىشى-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشقا تەۋە.

  • «پ» تاۋۇشىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى

  • 1. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان، ئاخىرى «ب» تاۋۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان بىر قىسىم سۆزلەر يەككە ھالەتتە تۇرغاندا ياكى ئۇلارغا ئۈزۈك تاۋۇشى بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا «ب» تاۋۇشى نۇتۇقتا «پ» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئىملادا ئۆزگەرمەيدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • ئازاب، ئازابلىق ئازاپ، ئازاپلىق

  • تەركىب، تەركىبلەر تەركىپ، تەركىپلەر

  • 2. باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدا ئەسلىدە «ب» تاۋۇشى بولسىمۇ، تىلىمىزدا ھەرقانداق ئەھۋالدا «پ» تەلەپپۇز قىلىنغانلىقى ئۈچۈن فونېتىكىلىق پرىنسىپ بويىچە ئايرىم تۇرغاندىمۇ، تۈرلەنگەندىمۇ، ئىملا ۋە تەلەپپۇزدىمۇ «پ» ئىپادە قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تۈرلىنىشى تەلەپپۇزى

  • مەكتۇپ مەكتۇپى مەكتۇپ، مەكتۇپى

  • تەرتىپ تەرتىپى تەرتىپ، تەرتىپى

  • 3. باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان، ئەسلىدە «ۋ، ف» تاۋۇشلىرى بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بىر قىسىم سۆزلەر تەلەپپۇزدا ئومۇمەن «پ» تەلەپپۇز قىلىنغاچقا، يېزىقتىمۇ «پ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • ئەسلى ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • ئارخىۋ ئارخىپ-ئارخىپى ئارخىپ-ئارخىپى

  • تەكلىف تەكلىپ-تەكلىپى تەكلىپ-تەكلىپى

  • 4. «ئال، ئات~ئەت، ئىدى» ياردەمچى پېئىللىرى «پ» لىق رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ، تۈس كاتېگورىيىسىنى ھاسىل قىلغاندا، رەۋىشداش، تەركىبىدىكى بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن «پ» تاۋۇشى تەلەپپۇزدا «ۋ» غا نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئېيتىلىدۇ. بۇ خىل فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ئىملادا ھەم تەلەپپۇزدا نۆۋەتلەشكىنى بويىچە ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • تاشلاپ + ئەت تاشلىۋەت تاشلىۋەت

  • يېزىپ + ئال يېزىۋال يېزىۋال

  • قىلىپ + ئىدى قىلىۋىدى قىلىۋىدى

  • 5. «پ» بىلەن ئاخىرلاشقان رەۋىشداشلارغا «ب» بىلەن باشلانغان بىر قىسىم ياردەمچى پېئىللار قوشۇلغاندا، جانلىق تىلدا ئوڭ ئاسسىملاتسىيە ھادىسى كۆرۈلۈپ، «پ» تاۋۇشى ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن «ب» تاۋۇشىنى ئۆزىگە ئوخشىتىۋالىدۇ. ئەمما، ئىملا ۋە تەلەپپۇزدا ئىپادە قىلىنمايدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملا ۋە تەلەپپۇزى جانلىق تىلدا

  • ئوقۇپ + باق = ئوقۇپباق ئوقۇپپاق

  • يېزىپ + بەر = يېزىپبەر يېزپپەر

  • 6. «پ» تاۋۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان بىر قىسىم ئىسىملارغا «ئاخۇن، ئاكا» قاتارلىق سۆزلەر قوشۇلۇپ كەلگەندە، «پ» تاۋۇشى «ۋ» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئىملادا ئۆزگەرمەي يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • يۈسۈپ ئاكا يۈسۈۋاكا

  • تالىپ ئاخۇن تا:لىۋا:خۇن

پا

  • پا[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ئوت ۋە باشقا قىزىق نەرسىدە قاتتىق كۆيگەنلىك ئىماسىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] پاتىگۈل كۆيۈككە چىدىيالماي «پا!» دەپ ۋارقىرىۋەتتى.

پائال

  • پائال[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا غەيرەت بىلەن كىرىشكەن ھالدا، ئەستايىدىل، ئىزچىل، ئاكتىپ:[مىسال:] پائال قاتناشماق. پائال ئىشلىمەك.

پائالىيەت

  • پائالىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ساھەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىش، مەشغۇلات، ھەرىكەت:[مىسال:] تازىلىق پائالىيىتى.

پائالىيەتچان

  • پائالىيەتچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا بېرىلىدىغان، پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا ماھىر؛ ئىشچان؛ ئاكتىپ:[مىسال:] ئارىمىزدا ئەختەم ناھايىتى پائالىيەتچان ئىدى.

پائالىيەتچانلىق

  • پائالىيەتچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پائالىيەت قىلىشقا ماھىرلىق:[مىسال:] بىز ھەممىمىزئۇنىڭ پائالىيەتچانلىقىغا قايىل.

پائالىيەتچى

  • پائالىيەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاكتىپ پائالىيەت قىلغۇچى، ئاكتىپ ھالدا تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچى.

پائالىيەتسىز

  • پائالىيەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر پائالىيەتكە ئاكتىپ كىرىشمەيدىغان، پاسسىپ:[مىسال:] پائالىيەتسىز ئادەم.

پائالىيەتسىزلىك

  • پائالىيەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر پائالىيەتكە ئاكتىپ كىرىشمەسلىك، پاسسىپلىق:[مىسال:] پائالىيەتسىزلىك ھۇرۇنلۇقنىڭ ئالامىتى.

پائالىيەتشۇناس

  • پائالىيەتشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] پائالىيەت قىلىشقا، پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا ماھىر شەخس؛ پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئادەم؛ پائالىيەتچى:[مىسال:] پائالىيەتشۇناس سايىم ئۇنىڭ ئورنىنىڭ ئۆسۈشىدە چوڭ رول ئوينىدى.

پائالىيەتلىك

  • پائالىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئەستايىدىل ئىشلەيدىغان، پائالىيەتچان، ئاكتىپ:[مىسال:] پائالىيەتلىك ئادەم.[يەشمىسى:] ② پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:[مىسال:] بۈگۈن ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدا مەزمۇنلۇق، تەسىرلىك، ھەر خىل پائالىيەتلىك ھەرىكەتلەر كۆرسىتىلىدۇ.

پائانگا

  • پائانگا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تونگا پادىشاھلىقىنىڭ پۇل بىرلىكى.

پاپا

  • پاپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى.

پاپاخ

  • پاپاخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مويى، تۈكى سىرتىغا تىكىلگەن ئۇزۇنچاق تەلپەك:[مىسال:] ئۇ پاكارغىنا، بۇرنى يوغان، پاپاخ كىيگەن بىر كىشى ئىدى.

پاپالىق

  • پاپالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاپا ئۆتەيدىغان ۋەزىپە.

پاپورتنىك

  • پاپورتنىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گۈلسىز، سپورىلىق، بەرگلىرى چوڭ ئۆسۈملۈك.

پاپىلىماق

  • پاپىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۆمىلىمەك.

پاتⅠ

  • پاتⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىپ ۋە رەختلەرنى قاتۇرۇپ چىداشلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇق ئۇماچ، شىلىمسىمان ياكى كراخمال سۇيۇقلۇق:[مىسال:] پات بەرمەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پات بېرىلگەن ھالەت، تۇرق؛ ئەسل، ئەينى:[مىسال:] پېتىدىن چۈشمەك. ئۆز پېتى. شۇ پېتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] بەزى سۈپەتداشلاردىن كېيىن ئۈچىنچى شەخس فورمىسىدا كېلىپ ئىش-ھەرىكەتنىڭ مەلۇم بىر ھالىتىدە يەنە بىر ھەرىكەت ئورۇنلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ياسىن كەتمەننى كۆتۈرگەن پېتى ئۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

پاتⅡ

  • پاتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، تېز، چاپسان:[مىسال:] پات كەلمەك. پات كەتمەك.

پات يېقىندا

  • پات يېقىندا[يەشمىسى:] ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەستىن، يېقىن كەلگۈسىدە:[مىسال:] مەن پات يېقىندا بۇ يەردىن كۆچۈپ كېتىمەن.

پاتⅢ

  • پاتⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] (شاھماتتا) قارىمۇقارشى ئىككى تەرەپنىڭ كۈچى ئاساسەن ئوخشاش كېلىپ قېلىپ، شۇ قېتىمقى ئويۇننىڭ غەلىبىسىز تاماملانغانلىقىنى ھېسابلاشنىڭ بىر تۈرى:[مىسال:] ئويۇن پات بولدى.

پاتⅣ

  • پاتⅣ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئاپتوموبىلنىڭ سىگنال كانايلىرى قاتارلىقلاردىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] يىراقتىن بولكىۋاينىڭ پات قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

پاتاسا

  • پاتاسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شېكەر قىيامىنىڭ سېاۋات ئايرىۋېلىنغاندىن كېيىنكى قالدۇق قىسمىدىن ياسالغان قەغەزسىز كەمپۈت:[مىسال:] ئۇ پاتاسىغا بەك ئامراق ئىدى.

پاتاق

  • پاتاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاق قوناقنىڭ يانجىغاندىن كېيىن قالغان دان شاكىلى.

پاتاكا

  • پاتاكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاۋمېن رايونىنىڭ پۇل بىرلىكى.

پاتاڭ

  • پاتاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئومۇرتقا سۆكەڭلىرىنى بويلاپ ئورۇنلاشقان چوڭ پەي:[مىسال:] كالا پاتىڭى. تۆگە پاتىڭى. پاتاڭ سالماق.[يەشمىسى:] ② بويۇننىڭ ئارقا تەرىپى، گەدەن:[مىسال:] پاتىڭى يوغان. ∥ پاتاڭ گۆش.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زىممە، گەدەن، ئۆز ئۈستى:[مىسال:] پاتىڭىدىكى قەرزلەر كۈنسېرى كۆپىيىۋەرگەن ئەزالارنىڭ بەزىسى ياقا يۇرتلارغا قېچىپ كېتىشتى.

پاتاڭدىماق

  • پاتاڭدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پاتاڭ بىلەن تېڭىپ چىڭىتماق، پاتاڭ سالماق:[مىسال:] ئارىنى پاتاڭدىماق.

پاتاڭگۇشلىماق

  • پاتاڭگۇشلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① پاتاڭغا ئۇرماق. [يەشمىسى:] ② پۇلاڭلاتماق.

پات-پاتⅠ

  • پات-پاتⅠ[يەشمىسى:] ۋاقتى-ۋاقتىدا، تېز-تېز:[مىسال:] ئۇ پات-پات كېلىپ تۇرىدۇ.

پات-پاتⅡ

  • پات-پاتⅡ[يەشمىسى:] «پاتⅣ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

پاترون

  • پاترون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ① ئۈشكە، ئىستانوك قاتارلىقلارنىڭ تىغ ياكى دېتاللارنى قىسىپ، مۇقىم تۇتۇپ تۇرىدىغان قىسمى، قىسقۇچى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئېلېكتر<[يەشمىسى:] ئېلېكتر سىملىرىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا ئورنىتىلىدىغان ۋە لامپۇچكىنى تۇتۇپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان قۇرۇلما.

پاترىئارخ

  • پاترىئارخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدىكى ئۇرۇق باشلىقى.

پاترىئارخال

  • پاترىئارخال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] ئەرلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىكى ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىقىغا ئائىت بولغان.

پاترىئارخاللىق

  • پاترىئارخاللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاتىلىق ئۇرۇداشلىقى.

پاتقاق

  • پاتقاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دەسسىسە پۇت كىرىپ كېتىدىغان بوش لاي:[مىسال:] ئادەمگە ئەقىل كېرەك، پاتقاققا شېغىل كېرەك (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئوڭۇشسىز شارائىت:[مىسال:] پاتقاققا تىقىلماق.

پاتقاق گازى

  • پاتقاق گازى[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] يۇندا ۋە سېسىق سۇ كۆلچەكلىرىگە كۆمۈلگەن ئۆسۈملۈك تەنلىرىنىڭ چىرىپ، سېسىپ ئېچىتىلىشىدىن ھاسىل بولغان گاز. بۇنى يېقىلغۇ ياكى خىمىيە سانائەت خام ئەشياسى قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

پاتقاقچىلىق

  • پاتقاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاتقاق بولۇپ كەتكەن ھالەت:[مىسال:] ئۇلار پاتقاقچىلىقتا تولىمۇ تەستە كېتىپ باراتتى.

پاتقاقسىز

  • پاتقاقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاتقاق يوق، پاتقاق بولمىغان، پاتقاق ئەمەس:[مىسال:] پاتقاقسىز يول.

پاتقاقلاشماق

  • پاتقاقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پاتقاق ھالەتكە كەلمەك، پاتقاق بولۇپ كەتمەك.

پاتقاقلىق

  • پاتقاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پاتقاق ھالەت:[مىسال:] ئەتىياز پەسلىدىكى پاتقاقلىق ئۇلارنى بەكمۇ بىزار قىلاتتى.[يەشمىسى:] ② پاتقاق بولۇپ كەتكەن يەر:[مىسال:] ئەتىگەنلىكى قاتتىق سوغۇق بولدى، سازلىق ۋە پاتقاقلىقلار مۇزلاپ قالدى. ∥ بالىلار ئۇدۇل تەرەپتىكى پاتقاقلىق يولغا يۈرۈپ كەتتى.

پاتقۇزماق

  • پاتقۇزماق[يەشمىسى:] «پاتماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سىز بۇ ئۆيگە يەنە بىر كارىۋات پاتقۇزۇڭ.

پاتلاتماق

  • پاتلاتماق[يەشمىسى:] «پاتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەھەممەتتوختى ئاكام سەرگەز بېسىشقا 50 خامنى پاتلىتىپ قويدى.

پاتلاشماق

  • پاتلاشماق[يەشمىسى:] «پاتلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇستىلار ئەتلەسنىڭ ئۆرۈش يىپلىرىنى پاتلاشقاندىن كېيىن ئۇنى چىڭ تارتىپ قۇرۇتۇشقا كىرىشتى.

پاتلانماق

  • پاتلانماق[يەشمىسى:] «پاتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ رەخت ياخشى پاتلاندى.

پاتلىماق

  • پاتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] رەخت، يىپ، قەغەز قاتارلىقلارنى پاتقا چىلاپ قاتۇرۇپ، سىلىقلاپ پەردازلىماق؛ پات بەرمەك:[مىسال:] رەختنى پاتلىماق.

پاتماق

  • پاتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۇيۇق، يۇمشاق نەرسىنىڭ ئىچىگە كىرمەك، چۆكمەك، مىلەنمەك:[مىسال:] لايغا پاتماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] غەرق بولماق، چۆكمەك:[مىسال:] ياسىن قازى بىر پەس چوڭقۇر ئويغا پاتتى.[يەشمىسى:] ③ قاتتىق بېسىمدىن ئىچىگە پۈكۈپ، يېرىپ ياكى سانجىلىپ كىرمەك:[مىسال:] ئاياغقا تاش پاتماق.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاتتىق تەگمەك، ئېغىر تۇيۇلماق:[مىسال:] كۈندىن-كۈنگە جەبىر-زۇلۇم كۆپىيىپ جېنىغا پېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ⑤ بىرەر ئىجابىي ھېس-تۇيغۇ ياكى سەلبىي روھىي ھالەتتە بولماق:[مىسال:] كەنجى ئوغلىنىڭ دەردىدە ئاتا-ئانا مۇڭغا پېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ⑥ ئۇپۇققا يوشۇرۇنۇپ كۆزدىن غايىب بولماق:[مىسال:] كۈن پاتتى.[يەشمىسى:] ⑦ سىغماق؛ ماس، لايىق كەلمەك:[مىسال:] تاغقا پاتمىغان ئۆچكە قازانغا پاتار(ماقال).

پاتمان

  • پاتمان[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] 180 كىلوگرامدىن 300 كىلوگرامغىچە ياكى بىر پۇتتىن 11 پۇتقىچە بولغان ئېغىرلىق ئۆلچىمى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىر تالاي، ھېسابسىز، نۇرغۇن، تولا، كۆپ، جىق:[مىسال:] بىر پاتمان ئىش. بىر پاتمان گەپ.

پاتمان-پاتمان

  • پاتمان-پاتمان[يەشمىسى:] ناھايىتى كۆپ؛ ناھايىتى ئېغىر؛ ناھايىتى كاتتا:[مىسال:] تاغ باغرىدا پاتمان-پاتمان بۇلۇت پادىلىرى لەيلىشىپ يۈرەتتى.

پاتمانلاپ

  • پاتمانلاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پاتمان-پاتمان مىقداردا:[مىسال:] كېسەل پاتمانلاپ كىرەر، مىسقاللاپ چىقار (ماقال).

پاتمانلاپ-پاتمانلاپ

  • پاتمانلاپ-پاتمانلاپ[يەشمىسى:] «پاتمانلاپ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

پاتمىچۇق

  • پاتمىچۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۆرەلگۈچىلەر سىنىپىغا ۋە ئۇچقۇر كەسلەنچۈك ئائىلىسىگە كىرىدىغان ھايۋان، تۇتۇق قوڭۇر ياكى قارامتۇل رەڭدە بولىدۇ.

پاتمىخوتۇن

  • پاتمىخوتۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پاتىمە+خوتۇن[[يەشمىسى:] ① ئاياللارغا مۇناسىپ بولغان ئىشلارنىمۇ قىلالمايدىغان، ھەتتا چاقمۇ ئېگىرەلمەيدىغان ئايال:[مىسال:] پاتمىخوتۇننىڭ چاقىدەك.[يەشمىسى:] ② يېتىم ئاقساقىلى.

پاتولوگ

  • پاتولوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] پاتولوگىيە مۇتەخەسسىسى، ئالىمى.

پاتولوگىيە

  • پاتولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ئورگانىزمدىكى كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش جەريانى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

پاتۇرماق

  • پاتۇرماق[يەشمىسى:] «پاتماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئاپتوموبىلنى لايغا پاتۇرۇپ قويدى.

پاتۇرۇشماق

  • پاتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «پاتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پاتۇرۇلماق

  • پاتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «پاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قاپاق سۇغا پاتۇرۇلدى.

پاتېفون

  • پاتېفون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] پلاستىنكىغا ئېلىنغان ھەر خىل مۇزىكا، نۇتۇق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى ئاڭلىتىپ بېرىدىغان ئۈسكۈنە.

پاتېنت

  • پاتېنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئىجادىيەتچىلەر ۋە كەشپىياتچىلارنىڭ ئۆزلىرى كەشىپ قىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ پايدىسىدىن بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە مۇستەقىل مەنپەئەتلىنىشى، ئادەتتە ئۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ:[مىسال:] پاتېنت ھوقۇقى.

پاتىپاراق

  • پاتىپاراق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن قالايمىقان، تەرتىپسىز ھالەت؛ ئاۋاز:[مىسال:] پاتىپاراق بولماق. * دۈشمەن قوشۇنى پاتىپاراق بولۇپ كەتتى.

پاتىپاراقچىلىق

  • پاتىپاراقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاتىپاراق بولغان ھالەت:[مىسال:] بىر مىنۇتنىڭ ئىچىدە شۇنداق پاتىپاراقچىلىق يۈز بەردىكى، ئادەم-ئادەمگە قارىماي ئىتتىرىپ، توغرا كەلگەننى دەسسەپ-چېقىپ، قېچىشقا باشلىدى.

پاتىپاراقلاشتۇرماق

  • پاتىپاراقلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «پاتىپاراقلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پاتىپاراقلاشتۇرۇلماق

  • پاتىپاراقلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «پاتىپاراقلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پاتىپاراقلاشماق

  • پاتىپاراقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پاتىپاراق ھالەتكە كەلمەك، پاتىپاراق بولماق:[مىسال:] ئوق ئاۋازى بىلەن دۈشمەنلەر پاتىپاراقلىشىپ سەپلىرى قالايمىقانلاشتى.

پاتىپاراقلىق

  • پاتىپاراقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاتىپاراق، قالايمىقان بولغان ھالەت، پاتىپاراقچىلىق.

پاتىھە

  • پاتىھە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] قۇرئاننىڭ بىرىنچى سۈرىسى، باشلىنىشى.[يەشمىسى:] ② بىراۋنى يوقلاپ ياكى زىيارەت قىلىپ ھۇزۇرىغا ۋە ئۆيىگە بارغاندا ئەھۋاللىشىشتىن ئىلگىرى ياخشىلىق تىلەپ ئېيتىلىدىغان دۇئا:[مىسال:] پاتىھە قىلماق. * تېرىمدىن كەلگىنىڭنى ئاڭلاپ پاتىھە ئوقۇپ كېلەي دەپ كېلىۋىدىم.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىشنى باشلىغان كىشىگە ياخشىلىقنى تىلىگەن ھالدا بېرىلگەن رۇخسەت، ئىجازەت:[مىسال:] سودىگەرلەر ئۇنىڭغا ھەر كۈنى سالام بېرىپ ئۇنىڭدىن پاتىھە ئالغاندىن كېيىن، ئۆز تىجارەت ئورنىغا بېرىپ دۇكىنىنى ئاچىدىكەن.[يەشمىسى:] ④ ئۆلۈم ئۇزىتىلغان ئۆيدە ئۆلۈمدىن كېيىن بىرقانچە كۈن ئىچىدە ياكى ھېيت كۈنلىرى مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ قىلىنغان دۇئا ۋە تەزىيىلەر:[مىسال:] ئەپەندىم باينىڭ ئۆيىگە پاتىھەگە بېرىپ: مەرھۇمنىڭ گۆرى چوڭقۇر بولسۇن، دەپ دۇئا قىلىپتۇ.[يەشمىسى:] ⑤ قىز بىلەن يىگىت تۇرمۇش قۇرۇشنى ماقۇل كۆرگەندىن كېيىن ئوغۇل تەرەپنىڭ قىز تەرەپ ئائىلىسىگە بارىكاللا ئېيتىپ بەرگەن تەشەككۈر دۇئاسى:[مىسال:] پاتىھەدىن كېيىن ئابدۇۋارىس مۇپتى توي ۋاقتىنى سورىدى.[يەشمىسى:] ⑥ نىكاھ مۇراسىمىدا ئوقۇلغان خۇتبە دۇئاسى:[مىسال:] ھاجى ئىشان ئالدىراپ-تېنەپ نىكاھ پاتىھەسىنى ئوقۇدى.

پاجىئە

  • پاجىئە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئېچىنىشلىق ۋەقە؛ ھالاكەت؛ مۇسىبەت؛ بەختسىزلىك:[مىسال:] بۇ بىر پاجىئە.

پاجىئەلىك

  • پاجىئەلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېچىنىشلىق، مۇسىبەتلىك، قايغۇلۇق:[مىسال:] جېلىل بىگۇناھ ئۆلگەن ئانارخاننىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمىنى ئويلىغاندا چىداپ تۇرالمايتتى.

پاچاقⅠ

  • پاچاقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① پۇتنىڭ تىزدىن تۆۋەنكى قىسمى؛ شىراق:[مىسال:] ئۇزۇن پاچاق ئايال. پاچىقىنى چاقماق.[يەشمىسى:] ② شىمنىڭ (ئىشتاننىڭ) تىزدىن پەستىكى قىسمى:[مىسال:] ئىشتاننىڭ پاچىقى. پاچىقى تار ئىشتان.[يەشمىسى:] ③ ئورۇندۇق، شىرە، كارىۋات قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ يەرگە تايىنىپ تۇرىدىغان قىسمى:[مىسال:] كارىۋاتنىڭ پاچىقى. شوتىنىڭ پاچىقى.

پاچاققا پىت چۈشمەك

  • پاچاققا پىت چۈشمەك[يەشمىسى:] خىيالى ئۆزگەرمەك، باشقا بىر خىيالغا كەلمەك:[مىسال:] ھۆدەيچى كەتكەندىن كېيىن، قورغان بېگىنىڭ پاچىقىغا پىت چۈشۈپ قالدى.

پاچاققا ئېسىلماق

  • پاچاققا ئېسىلماق[يەشمىسى:] بىرەر كەمچىلىك، سەۋەنلىكىنى مەھكەم تۇتۇۋالماق.

پاچاقⅡ

  • پاچاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئېزىلىپ، پۈكۈلۈپ سىنغان، پارچىلانغان، ئەبجەق:[مىسال:] ئېيتتى بەگ: يۈرەيلى تېز تاشلاپ ئۇنى، قىيادىن دومىلاپ ئۆلسۇن بولۇپ پاچاق.

پاچاق-چاپاق

  • پاچاق-چاپاق[يەشمىسى:] بىر قانچە پارچىغا بۆلۈنگەن، ئەبجىقى چىققان، پاچاقلانغان؛ ئەبجەق:[مىسال:] قاسساپلىق پىچىقىمنى تۆمۈرچىنىڭ سەندىلىگە قويۇپ بولقىسىدا پاچاق-پاچاق قىلىۋەتتىم.

پاچاقچى

  • پاچاقچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پاچاقتىن چىشلەيدىغان (ئىت ھەققىدە):[مىسال:] پاچاقچى ئىت.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلاردىن نۇقسان ئىزدەشنىڭلا كويىدا يۈرىدىغان:[مىسال:] پاچاقچى ئادەم.

پاچاقچىلىق

  • پاچاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلاردىن نۇقسان ئىزدەش ئىشى:[مىسال:] پاچاقچىلىق قىلماق.

پاچاقلاتماق

  • پاچاقلاتماق[يەشمىسى:] «پاچاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قوماندانلىق شتابى ھەربىي قوشۇن ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىكى دۈشمەننىڭ ئىستىھكاملىرىنى پاچاقلىتىۋەتتى.

پاچاقلاشماق

  • پاچاقلاشماق[يەشمىسى:] «پاچاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىزنىڭ قوشۇنلىرىمىز دۈشمەن پوتەيلىرىنى تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ پاچاقلاشتى.

پاچاقلانماق

  • پاچاقلانماق[يەشمىسى:] «پاچاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] جەڭ نەتىجىسىدە نېمىسلارنىڭ بەش تانكىسى پاچاقلاندى.

پاچاقلىماق

  • پاچاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پاچاق-پاچاق قىلماق:[مىسال:] ئۇلار ساندۇقلارنى ئۇرۇپ پاچاقلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تارمار قىلماق:[مىسال:] بىزنىڭ ئىنقىلابىي قوشۇنلىرىمىز دۈشمەن ئارمىيىسىنى پاچاقلىدى.

پاچكا

  • پاچكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كېسىپ مەلۇم شەكىلگە كەلتۈرۈپ قەغەزگە ئورالغان، قاپقا ياكى قۇتىغا قاچىلانغان بىر تۈردىكى نەرسە، قاپ، بولاق:[مىسال:] بىر پاچكا تاماكا.

پاخال

  • پاخال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بۇغداي، شال، ئارپا، تېرىق قاتارلىق باشاقلىق زىرائەتلەرنىڭ دېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قالغان قۇرۇق غول قىسمى:[مىسال:] شال پاخىلى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىممىتىنى يوقاتقان، قىممىتى چۈشكەن، ئەرزىمەس؛ يارامسىز، كېرەكسىز:[مىسال:] پاخال پۇل.

پاخاللاشتۇرماق

  • پاخاللاشتۇرماق[يەشمىسى:] «پاخاللاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پاخاللاشتۇرۇشماق

  • پاخاللاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «پاخاللاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پاخاللاشتۇرۇلماق

  • پاخاللاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «پاخاللاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھازىر پۇل پاخاللاشتۇرۇلغان چاغ.

پاخاللاشماق

  • پاخاللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پاخالغا ئايلانماق، پاخال بولماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىممىتىنى، ئەھمىيىتىنى يوقاتماق، ئەرزانلاشماق، كۇرسى چۈشمەك.

پاخاللىق

  • پاخاللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پاخال كۆپ دۆۋىلەنگەن جاي.[يەشمىسى:] ② پاخال بولۇش، پاخاللاشقان ھالەت:[مىسال:] پۇل پاخاللىقى.

پاخپاق

  • پاخپاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تەرتىپسىز ئۆسۈپ كەتكەن، چۇۋۇق (چاچ، ساقال، يۇڭ ھەققىدە):[مىسال:] پاخپاق چاچ.[يەشمىسى:] ② شاخ-يوپۇرماقلىرى تەرتىپسىز، كىرىشىپ بۈككىدە يانغا ئۆسكەن:[مىسال:] پاخپاق جىگدە.[يەشمىسى:] ③ جىڭغا ئولتۇرمايدىغان، جىڭ باسمايدىغان؛ ئىچى بوش؛ يەڭگىل؛ پۇچەك:[مىسال:] پاخپاق دان.[يەشمىسى:] ④ نېپىز، يېلىڭ:[مىسال:] پاخپاق كەمزۇل. پاخپاق چاپان.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ۋەزنى يوق، قۇرۇق پو (گەپ-سۆزلەر ھەققىدە):[مىسال:] پاخپاق گەپ.

پاخپايتماق

  • پاخپايتماق[يەشمىسى:] «پاخپايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۆرە يۇڭىنى پاخپايتىپ، ئورۇقلۇقىنى بىلدۈرمەس (ماقال).

پاخپايتىشماق

  • پاخپايتىشماق[يەشمىسى:] «پاخپايتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار چاچلىرىنى پاخپايتىشىپ ھارغىن قىياپەتتە ئولتۇراتتى.

پاخپايتىلماق

  • پاخپايتىلماق[يەشمىسى:] «پاخپايتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئايجامال پاخپايتىلغان چاچلىرىنى ئەينەكتە كۆردى.

پاخپايماق

  • پاخپايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پاخپاق ھالغا كەلمەك (چاچ، ساقال، يۇڭ ھەققىدە):[مىسال:] ئۇنىڭ چاچلىرى چۇغۇندەكنىڭ چاڭگىسىدەك پاخپىيىپ، يۈز-كۆزلىرىنىمۇ توسۇۋاپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گۆلىيىپ نارازى بولماق:[مىسال:] تۇرسۇن بىر پاخپىيىۋىدى مۇدىرنىڭ يېلى چىقتى.

پاختا

  • پاختا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كېۋەز:[مىسال:] پاختا تېرىماق.[يەشمىسى:] ② كېۋەزنىڭ غوزىسىدىن چىقىدىغان ۋە ئىنچىكە تالالاردىن تەشكىل تاپقان ئاپئاق، يۇمشاق مەھسۇلات.

پاختا ئاتماق

  • پاختا ئاتماق[يەشمىسى:] ① چىگىتىدىن ئايرىلغان پاختىنى ئاتقۇچىلىق دۇكىنىدا تىتىپ يۇمشاتماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆپتۈرۈپ مۇبالىغە قىلماق؛ چوڭ سۆزلىمەك، لاپ ئۇرماق، پو ئاتماق.

پاختەك

  • پاختەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قۇشلارنىڭ بىر خىلى. تېنى كۈل رەڭ ياكى قوڭۇر، بوينىنىڭ ئارقىسىدا ئاق ياكى سۇس قوڭۇر رەڭلىك دېغى بولىدۇ.

پاختىكى ئوڭدا ئۇچماق

  • پاختىكى ئوڭدا ئۇچماق[يەشمىسى:] بەختى، تەلىيى ئوڭدىن كەلمەك.

پاختىچى

  • پاختىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پاختا تازىلاش، پىششىقلاش ياكى پاختا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى.[يەشمىسى:] ② پاختا تېرىش، پاختا يېتىشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقان؛ پاختىكار.

پاختىچىلىق

  • پاختىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاختا تېرىش، ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش، سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتى:[مىسال:] پاختىچىلىق رايونى.

پاختىزار

  • پاختىزار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېۋەز تېرىلغان، كېۋەز مايسىلىرى بىلەن قاپلانغان يەر.

پاختىزارلىق

  • پاختىزارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاختىزار.

پاختىسىمان

  • پاختىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاختىغا ئوخشاش يۇمشاق، يەڭگىل، ئاق ھالەتتىكى:[مىسال:] پاختىسىمان بۇلۇت. پاختىسىمان نەرسە.

پاختىكار

  • پاختىكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاختا تېرىش، ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش، سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى دېھقان؛ پاختىچى:[مىسال:] ئۇلار پاختىكارلار ئۈچۈن قۇلايلىق يارىتىپ بەردى.

پاختىكارلىق

  • پاختىكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاختا تېرىش، ئۆستۈرۈش ئىشى.

پاختىلاشتۇرماق

  • پاختىلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «پاختىلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ناننى پاختىلاشتۇرۇۋەتتى.

پاختىلاشماق

  • پاختىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك ماددىلار كۆكىرىك زەمبۇرۇغىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن بۇزۇلۇپ، سۈپىتىنى ئۆزگەرتمەك.

پاختىلىق

  • پاختىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاختىسى بار، پاختا سېلىنغان، پاختا سېلىپ تىكىلگەن:[مىسال:] پاختىلىق چاپان. پاختىلىق ئىشتان.

پاختىۋەن

  • پاختىۋەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاختىدىن ئوق ياساپ سېلىنغان؛ ئوق سالماي، دورا سېلىپلا ئاتىدىغان:[مىسال:] پاختىۋەن مىلتىق. پاختىۋەن پو.

پاخشە

  • پاخشە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كاردىن چىققان، چېقىلغان، بۇزۇلغان، سۇنۇق:[مىسال:] پاخشە تۇخۇم. پاخشە كېسەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەرگە تەگكەن، ئەر يۈزىنى كۆرگەن؛ پېچىتى بۇزۇلغان:[مىسال:] بىرگە تەگكەن ياخشى، ئىككىگە تەگكەن پاخشە، ئۈچكە تەگكەن باخشى (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەغلۇپ بولغان، ۋەتۋەرىكى چىققان، يېڭىلگەن:[مىسال:] ئۇ خۇددى سوقۇشۇپ پاخشە بولغان خورازلارغا ئوخشاپ قالغانىدى.

پاخشەك

  • پاخشەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بېشىنى تاز يارىسى قاپلاپ كەتكەن، تاز:[مىسال:] تازنى غوجام دەپتۇ، پاخشەكنى خېنىم دەپتۇ (ماقال).

پاخما

  • پاخما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەرتىپسىز ئۆسكەن، پاخپىيىپ كەتكەن؛ پاخپايغان (چاچ، ساقال، تۈك، يۇڭ ھەققىدە):[مىسال:] ئەختەم بۈگۈن پاخما چاچلىرىنى مايلاپ، سىلىق تارىغانىدى.

پاخمىل

  • پاخمىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ھاراقنىڭ تەسىرىنى ھاراق ئىچىش ئارقىلىق قايتۇرۇش:[مىسال:] پاخمىل قىلماق.

پادا

  • پادا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] چارۋا ماللارنىڭ بىرگە ھەيدەپ بېقىلىدىغان توپى:[مىسال:] كالا پادىسى. * پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق (ماقال).

پادا-پادا

  • پادا-پادا[يەشمىسى:] پادىلارغا بۆلۈنگەن، توپ-توپ:[مىسال:] ئۇ يەردە پادا-پادا قويلار، قوتان-قوتان ئۇيلار، ئىشقىلىپ ھەممە نېمە بار ئىكەن.

پادىچى

  • پادىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پادا باققۇچى.

پادىچىلىق

  • پادىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پادا بېقىش ئىشى:[مىسال:] ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى تاغدا پادىچىلىق بىلەن ئۆتكۈزدى.

پادىسىز

  • پادىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پادىسى يوق، پادىغا ئىگە بولمىغان.

پادىشاھ

  • پادىشاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بەزى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئەمەل نامى.

پادىشاھلىق

  • پادىشاھلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پادىشاھ بولۇش، پادىشاھ ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋەزىپە، خىزمەت:[مىسال:] بۇ قەلەندەر ئون تۆت يىل پادىشاھلىق قىلدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پادىشاھلارغا خاس:[مىسال:] پادىشاھلىق ئۇنۋان. پادىشاھلىق سۈپەت.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكى دۆلەت:[مىسال:] سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] پادىشاھلاردەك باياشاتلىق؛ ھۇزۇر-ھالاۋەت:[مىسال:] تەننىڭ ساقلىقى-پادىشاھلىق (ماقال).

پادىشاھىئالەم

  • پادىشاھىئالەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «ئالەمنىڭ پادىشاھى» دېگەن مەنىدىكى ھۆرمەت ۋە تەكەللۇپ سۆزى:[مىسال:] ۋەزىر پادىشاھقا:[مىسال:] -خوش پادىشاھىئالەم، سىلىنىڭ بۇ خىزمەتلىرىگە بىز بېشىمىز بىلەن تەييارمىز، -دەپتۇ.

پادىلىق

  • پادىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پادىسى بار، پادىغا ئىگە بولغان.

پارⅠ

  • پارⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① بىر يۈرۈش، بىر قۇر (كىيىم-كېچەك ھەققىدە):[مىسال:] بىر پار كىيىم.[يەشمىسى:] ② جۈپ:[مىسال:] بىر پار پايپاق. بىر پار ئاياغ. بىر پار ياغلىق.[يەشمىسى:] ③ بىر-بىرىگە ماس، تەڭ:[مىسال:] − قانداق خانىملار، بىزنىڭ سەنۇبەر ھەربىرلىرىگە پار كېلەمدىكەن؟

پارⅡ

  • پارⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① سۇنىڭ گاز ھالىتى؛ ھور:[مىسال:] پار قازىنى. پار تۇرۇبىسى. پارغا ئايلانماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] پار قازىنىدا قىزدۇرۇپ ئۆي-ئىمارەتلەرنى ئىسسىتىش ئۈچۈن تۇرۇبا ئارقىلىق كەلتۈرۈلگەن ھور ياكى ئىسسىق سۇ.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ئۆي ئىچىگە ئورنىتىلغان رادىئاتور ۋە پار تۇرۇبىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى:[مىسال:] ئۆيگە پار ئورناتماق.

پارⅢ

  • پارⅢ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قۇياش، چىراغ قاتارلىقلارنىڭ نۇر چېچىش ھالىتى؛ ۋال:[مىسال:] بۇ خىل مۇھەببەت يوپۇرماق ئۈستىدىكى بىر تامچە شەبنەم، كۈن پارلا قىلسا يوق.

پارا

  • پارا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مەلۇم بىر مۇددىئا ياكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن شۇ ئىش بىلەن ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسكە قانۇندىن تاشقىرى بېرىلگەن پۇل ياكى ماددىي نەرسە؛ ئارىلىق:[مىسال:] پارا بەرمەك. پارا ئالماق. پارا يېمەك.

پارات

  • پارات [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① قوشۇنلار ۋە پائالىيەت دۈيلىرىنىڭ ھەرىكەت تەييارلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەنىلىك كۆرەك:[مىسال:] ھەربىي پارات.[يەشمىسى:] ② كۆرەكتە بەلگىلىك ھەرىكەت ۋە كىيىنىش بىلەن مەيداندىن تەنتەنە قىلىپ ئۆتۈش ھەرىكىتى:[مىسال:] تەنھەرىكەتچىلەر پاراتتىن ئۆتتى.

پاراتىف

  • پاراتىف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] ئۈچەي يولىدىكى تېز خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل. پاراتىف تاياقچە باكتېرىيىسى تەرىپىدىن قوزغىلىدۇ، تولىراق بالىلاردا بولىدۇ.

پاراچ

  • پاراچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالتۇن كېنىدىكى شېغىلنى بوشىتىدىغان ياغاچ ساپلىق، ئېگىلگەن بارماققا ئوخشاش تۆمۈر چىشى بار قول سايمىنى.

پاراخوت

  • پاراخوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] پار دۋىگاتېلى ئورنىتىلغان، سۇدا يۈرىدىغان قاتناش قورالى؛ چوڭ كېمە.

پاراخوتچى

  • پاراخوتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاراخوت ھەيدەيدىغان، پاراخوت باشقۇرىدىغان ئادەم ۋە پاراخوت بىلەن يۈك توشۇغۇچى كىشى.

پاراخوتچىلىق

  • پاراخوتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاراخوت قاتنىشى ۋە ئۇنىڭدا يۈك توشۇش بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى:[مىسال:] دۆلىتىمىزنىڭ ئوكيان پاراخوتچىلىقىدا تېز ئىلگىرىلەشلەر بولدى.

پاراخوتسىز

  • پاراخوتسىز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاراخوتى يوق، پاراخوتقا ئىگە بولمىغان:[مىسال:] دۇنيادا ھازىر پاراخوتسىز دۆلەتلەر قالمىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پاراخوتتا ئولتۇرماي، پاراخوت بىلەن يۈرمەي:[مىسال:] جۇڭگودىن ياپونىيىگە ئايروپىلان ياكى پاراخوتسىز بارغىلى بولمايدۇ.

پاراخوتلۇق

  • پاراخوتلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاراخوتى بار، پاراخوتقا ئىگە:[مىسال:] ئۇ مۇشۇ كۈنلەردە سودىسى روناق تېپىپ بىر پاراخوتلۇق بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پاراخوتتا ئولتۇرۇپ، پاراخوت بىلەن:[مىسال:] بىز ئۇ يەرگە پاراخوتلۇق باردۇق.

پارازىت

  • پارازىت[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] باشقا بىر خىل جانلىق تېنىنىڭ ئىچى ياكى سىرتىدا ياشاپ، شۇ خىلدىكى جانلىق تېنىدىن ئوزۇقلۇققا ئېرىشىش ئارقىلىق ئۆز ھاياتىنى كاپالەتلەندۈرگۈچى قۇرت ياكى ئۆسۈملۈك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ مېھنىتى ھېسابىغا ياشىغۇچى، تەييارتاپ:[مىسال:] پارازىت تۇرمۇش كەچۈرمەك.

پارازىتلىق

  • پارازىتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزى ئەمگەك قىلماي باشقىلارنىڭ ئەمگىكى بەدىلىگە ياشاش، تەييارتاپلىق:[مىسال:] ئۇلار پارازىتلىق بىلەن جان باقماقتا.

پاراس

  • پاراس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] پوجاڭزا ئاتقاندا، قۇرىغان چىۋىقلارنى سۇندۇرغاندا، ئوچاققا سېلىنغان ئوتۇن تۇتىشىپ كۆيگەندە ۋە شۇ خىل ھاللاردا چىققان ئاۋاز:[مىسال:] يىراقتىن «پاراس» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى.

پاراسەت

  • پاراسەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تېز ۋە توغرا چۈشىنىش، توغرا پەرق ئېتىش قابىلىيىتى؛ ئىدراك، ئەقىل، دىت:[مىسال:] پاراسەت ئىگىسى.

پاراسەتسىز

  • پاراسەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاراسىتى يوق، پاراسىتى بولمىغان:[مىسال:] پاراسەتسىز ئادەم.

پاراسەتسىزلىك

  • پاراسەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەقىلسىزلىق، دۆتلۈك:[مىسال:] پاراسەتسىزلىك تولا چاغلاردا كىشىلەرنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ.

پاراسەتلىك

  • پاراسەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەم-پاراسىتى بار، پەم-پاراسەتكە ئىگە، دىتلىق، ئەقىللىق:[مىسال:] پاراسەتلىك كىشى.

پاراس-پۇرۇس

  • پاراس-پۇرۇس[يەشمىسى:] «پاراس» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] تۇيۇقسىزلا پاراس-پۇرۇس ئۈچ قېتىم پوجاڭزا ئېتىلدى.

پاراسسىدە

  • پاراسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پاراس» قىلغان ھالدا، «پاراس» قىلىپ:[مىسال:] ئارغامچا پاراسسىدە ئۈزۈلدى.

پاراسلاتماق

  • پاراسلاتماق[يەشمىسى:] «پاراسلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پاراسلىماق

  • پاراسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پاراس» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] پوجاڭزىلار پاراسلاپ خۇددى بايرامدەك قايناپ كەتتى.

پاراسىمپاتىك

  • پاراسىمپاتىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] نېرۋا سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى. يۇقىرى قىسمى ئوتتۇرا مېڭە بىلەن ئۇزۇنچاق مېڭىدىن، تۆۋەنكى قىسمى يۇلۇننىڭ ئەڭ تۆۋەنكى قىسمىدىن باشلىنىپ، بەدەندىكى ھەرقايسى ئورگانلارغا تارقىلىدۇ. ئۇنىڭ رولى سىمپاتىك نېرۋىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، يۈرەك قىسقىرىشنى تورمۇزلايدۇ، ياكى ئاستىلىتىدۇ، كۆز قارىچۇقىنى تارايتىدۇ، ئۈچەي ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدۇ.

پاراشوك

  • پاراشوك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① تالقان ھالىتىدىكى قاتتىق ماددا:[مىسال:] چىش پاراشوكى. سوپۇن پاراشوكى.[يەشمىسى:] ② تالقان قىلىنغان دورا:[مىسال:] دوختۇر ماڭا زۇكامنىڭ تابلېتكىسىنى، پاراشوكلىرىنى يېزىپ بەردى.

پاراشوكسىمان

  • پاراشوكسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاراشوكقا ئوخشايدىغان، پاراشوك ھالىتىدىكى، ئۇۋاق:[مىسال:] پاراشوكسىمان دورا.

پاراشۇت

  • پاراشۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئادەم ياكى نەرسىلەرنى ھاۋا بوشلۇقىدىن يەرگە ئاستا قوندۇرۇش ياكى سەكرەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كۈنلۈكسىمان ئەسۋاب.

پاراشۇتچى

  • پاراشۇتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاراشۇت بىلەن ئايروپىلان قاتارلىقلاردىن يەرگە سەكرىگۈچى، يەرگە چۈشكۈچى كىشى:[مىسال:] پاراشۇتچى قىسىم.

پاراشۇتلۇق

  • پاراشۇتلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پاراشۇتنى ۋاسىتە قىلىپ، پاراشۇت بىلەن:[مىسال:] پاراشۇتلۇق سەكرەش تەنھەرىكىتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاراشۇت كىيگەن:[مىسال:] ئۇ يەردە پاراشۇتلۇق ئىككى ئەسكەر ھوشسىز ياتاتتى.

پاراغەت

  • پاراغەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشى ئارام ئالىدىغان ئەھۋال، شارائىت، تىنچلىق؛ راھەت:[مىسال:] پەمسىزنىڭ پاراسىتى يوق، غەمسىزنىڭ پاراغىتى يوق (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

پاراغەتسىز

  • پاراغەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] راھەت-پاراغىتى يوق، راھەت-پاراغەتكە ئىگە ئەمەس:[مىسال:] پاراغەتسىز تۇرمۇش.

پاراغەتلىك

  • پاراغەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] راھەت-پاراغىتى بار، راھەت-پاراغەتكە ئىگە:[مىسال:] بىز كۈتكەن پاراغەتلىك كۈنلەر چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ.

پارافىن

  • پارافىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] نېفىتتىن چەككىلەش ئارقىلىق ئايرىۋېلىنىدىغان ئاق ياكى سارغۇچ رەڭلىك مومسىمان ماددا.

پاراقⅠ

  • پاراقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرىلغان يەرگە قاراپ، ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇلىدىغان دېھقانچىلىق بېجى ياكى شۇ باج ھەققى ئورنىدا بېرىلىدىغان سېلىق ئاشلىق:[مىسال:] دېھقانلار بۇ يىل پاراقنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاپشۇرۇپ بولدى.

پاراقⅡ

  • پاراقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ قاتتىق كۈلۈشى ۋە سۇنىڭ قاينىشىدىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] ئىشىكنىڭ يېنىغا كېلىشىم بىلەن ئۆينىڭ ئىچىدىن پاراق قىلىپ كۈلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.

پاراق-پاراق

  • پاراق-پاراق[يەشمىسى:] «پاراقⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] تۆمۈر ئاتىنىڭ سۆزى داستىخان ئەتراپىدىكىلەرنى پاراق-پاراق كۈلدۈرۈۋەتتى.

پاراق-پۇرۇق

  • پاراق-پۇرۇق[يەشمىسى:] «پاراق» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] قازاندىكى سۇ پاراق-پۇرۇق قىلىپ قايناۋاتىدۇ.

پاراقچى

  • پاراقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاراق ئاشلىقىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن كىشى، پاراق ئاشلىقىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى:[مىسال:] ئۇنىڭ دادىسى بۇرۇن ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسىدە پاراقچى بولۇپ ئىشلىگەنىدى.

پاراققىدە

  • پاراققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پاراق» قىلغان ئاۋاز چىقارغان ھالدا، «پاراق» قىلىپ:[مىسال:] بالىلار قوشاقنى ئاڭلاپ پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى.

پاراقلاتماق

  • پاراقلاتماق[يەشمىسى:] «پاراقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پاراقلاشماق

  • پاراقلاشماق[يەشمىسى:] «پاراقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار پاراقلىشىپ كۈلۈشۈۋاتاتتى.

پاراقلىماق

  • پاراقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پاراق» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «پاراق» قىلماق:[مىسال:] قازاندىكى سۇ پاراقلاپ قاينىدى.

پاراكەندە

  • پاراكەندە[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تەرەپ-تەرەپكە تارالغان، چۇۋۇلغان، تىرىپىرەن، پاتىپاراق:[مىسال:] پاراكەندە بولماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەرىشان، دېلىغۇل، دەككە-دۈككە، خاتىرجەمسىز:[مىسال:] ئۇ ئۆيگە كىرىپ كەلگەندىمۇ پاراكەندە كۆڭلى تېخى بېسىلمىغانىدى.

پاراكەندىچىلىك

  • پاراكەندىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قالايمىقان ھالەت؛ پاتىپاراقچىلىق، قالايمىقانچىلىق:[مىسال:] دۈشمەنلەر پات-پات ئەتراپقا چىقىپ پاراكەندىچىلىك سېلىپ تۇردى.[يەشمىسى:] ② خاتىرجەمسىزلىك، پەرىشانلىق، دەككە-دۈككىلىك:[مىسال:] مېنىڭ كۆڭلۈمگە تولا پاراكەندىچىلىك سالما

پاراكەندىلىك

  • پاراكەندىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «پاراكەندىچىلىك»كە قاراڭ.

پاراگراف

  • پاراگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] كىتاب، ماقالە ۋە شۇ قاتارلىق تېكىستنىڭ مەنە جەھەتتىن مۇستەقىللىققا ئىگە بولغان، ئادەتتە «§» ئارقىلىق ياكى تەرتىپ سان بىلەن كۆرسىتىلىدىغان قىسمى ھەم «§» بەلگىسىنىڭ ئۆزى.

پاراگرافسىز

  • پاراگرافسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاراگرافقا بۆلۈنمىگەن، پاراگرافلىرى يوق.

پاراگرافلىق

  • پاراگرافلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاراگرافقا بۆلۈنگەن، پاراگرافلىرى بار.

پاراڭ

  • پاراڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىككى كىشى ئوتتۇرىسىدا بولغان گەپ-سۆز؛ نۇتۇق:[مىسال:] پاراڭ سالماق. پاراڭغا چۈشمەك. پاراڭ قىلماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مىش-مىش، ئېنىق بولمىغان گەپ، سۆز، خەۋەر:[مىسال:] ھۆرلىقا توغرىسىدا نېمە پاراڭلار بولغانلىقىنى ئاڭلىمىدىم.[يەشمىسى:] ③ سۆھبەت، مۇلاھىزە:[مىسال:] ئۇلارنىڭ پاراڭ تېمىسى ناھايىتى كەڭ ئىدى.

پاراڭچى

  • پاراڭچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاراڭ سېلىشقا ئۇستا؛ پاراڭ قىلىشقا ئامراق، قىزىق پاراڭ سالىدىغان، سۆزمەن؛ قىزىقچى:[مىسال:] ئۇ پاراڭچى ئادەم ئىكەن.

پاراڭخۇمار

  • پاراڭخۇمار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاراڭلىشىشنى ياقتۇرىدىغان، پاراڭغا ئامراق:[مىسال:] ئۇ تولىمۇ پاراڭخۇمار يىگىت ئىكەن.

پاراڭخۇمارلىق

  • پاراڭخۇمارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاراڭلىشىشنى ياقتۇرىدىغان، پاراڭغا ئامراق خۇسۇسىيەت؛ پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرۈش:[مىسال:] ئۇنىڭ پاراڭخۇمارلىقى مېنى بەك خۇش قىلىۋەتتى.

پاراڭلاشتۇرماق

  • پاراڭلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «پاراڭلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پاراڭلاشماق

  • پاراڭلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزئارا گەپلەشمەك، سۆزلەشمەك:[مىسال:] تاشۋاي بىلەن لەيلىگۈل قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى.

پاراللېل

  • پاراللېل[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر تەكشىلىكتە ياتقان ۋە ئۆز ئارا كېسىشمەيدىغان؛ يانداش:[مىسال:] پاراللېل تۈز سېزىق. پاراللېل تۆت تەرەپلىك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەينى ۋاقىتتا تەڭ بىللە تۇرغان؛ تەڭ دەرىجىدىكى:[مىسال:] پاراللېل سىنىپ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] دۇنيا خەرىتىسىدىكى ئېكۋاتور سىزىقىغا يانداش قىلىپ سىزىلغان سىزىقلار.

پاراللېزم

  • پاراللېزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] توغرا سىزىقلارنىڭ ئۆزئارا پاراللېللىقى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئوخشاش بىر ئىشنىڭ ئىككى كىشى ياكى ئىككى تەشكىلات تەرىپىدىن ئۆزئارا كېلىشمەستىن بىر ۋاقىتتا بېجىرىلىشى، تەكرارلىنىش.

پاراللېللىق

  • پاراللېللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاراللېل ھالەت.

پارامان

  • پارامان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ئۆي قۇرۇلۇشىدا جەگىلەرنىڭ تامغا چىشلەپ تۇرغان ئىككى بېشىغا (ئىككى جەگىنىڭ ئارىلىقىغا) قويۇلىدىغان ياغاچ تاختا.

پارامۇش

  • پارامۇش[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئۇنتۇغان، ئېسىدىن چىقارغان ھالدا:[مىسال:] پارامۇش بولۇپ قالماق.[يەشمىسى:] ② سەزگۈر بولمىغان، دېلىغۇل ھالەتتە:[مىسال:] قادىر شۇ پېتى ساقچىلارغا پارامۇش قاراپ تۇردى.

پارامېتىر

  • پارامېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تەڭلىمىدىكى مەلۇم بىر دائىرە ئىچىدە ئۆزگىرىدىغان تۇراقلىق سان. بۇ تۇراقلىق سان بەلگىلىك قىممەتنى ئالغاندا، شۇ تەڭلىمە ۋەكىللىك قىلىدىغان شەكىلگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: تەڭلىمە x2+y2=R2 تىكى R بەلگىلىك قىممەتنى ئالغاندا، تەڭلىمە ۋەكىللىك قىلىدىغان چەمبەرنى سىزغىلى بولىدۇ، R بولسا چەمبەرنىڭ پارامېتىرى بولىدۇ.

پاراۋان

  • پاراۋان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھەممە جەھەتتىن تولۇق؛ يېتەرلىك؛ كۆپ؛ مول؛ باياشات:[مىسال:] پاراۋان تۇرمۇش. پاراۋان ئائىلە.

پاراۋانچىلىق

  • پاراۋانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەممە جەھەتتىن تولۇق، يېتەرلىك بولغان تۇرمۇش؛ پاراۋان تۇرمۇش:[مىسال:] پاراۋانچىلىق ئىچىدە ياشىماق.

پاراۋانلاشتۇرماق

  • پاراۋانلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «پاراۋانلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھۆكۈمەتنىڭ توغرا سىياسىتى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى پاراۋانلاشتۇردى.

پاراۋانلاشتۇرۇشماق

  • پاراۋانلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «پاراۋانلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پاراۋانلاشتۇرۇلماق

  • پاراۋانلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «پاراۋانلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يېزا خەلقىنىڭ تۇرمۇشى پاراۋانلاشتۇرۇلدى.

پاراۋانلاشماق

  • پاراۋانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەممە جەھەتتىن مول، يېتەرلىك، كۆپ، باياشات ھالەتكە كەلمەك؛ باياشاتلاشماق:[مىسال:] دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى خېلى دەرىجىدە پاراۋانلاشتى.

پاراۋانلىق

  • پاراۋانلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاراۋان ھالەت:[مىسال:] سوتسىيالىزم يولى — ئورتاق پاراۋانلىققا قاراپ مېڭىش يولى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇرمۇشنى پاراۋان قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا خاس بولغان:[مىسال:] پاراۋانلىق پۇلى. پاراۋانلىق فوندى.

پاراۋوز

  • پاراۋوز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] پويىزنىڭ ۋاگونلارنى سۆرەپ ماڭىدىغان قىسمى، بۇقىسى. ئۇنىڭ پار، ئېلېكتر كۈچى، ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل قاتارلىقلار ئارقىلىق ماڭىدىغان بىر نەچچە خىللىرى بولىدۇ.

پاراۋوزچى

  • پاراۋوزچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاراۋوز باشقۇرغۇچى، پويىز ھەيدىگۈچى خادىم.

پارە

  • پارە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① پارچىلانغان نەرسىنىڭ بىر قىسمى؛ بۆلەك، پارچە:[مىسال:] پارە بولماق. پارە قىلماق.[يەشمىسى:] ② قۇرئاننىڭ 30 بۆلىكىنىڭ ھەربىر بۆلۈمى:[مىسال:] 30 پارە قۇرئاننى يادا ئالماق.

پارە-پارە

  • پارە-پارە[يەشمىسى:] پارچە-پارچە، بۆلەك-بۆلەك:[مىسال:] ھاكىمنىڭ كۆزەينىكى يەرگە چۈشۈپ پارە-پارە بولۇپ كەتتى.

پارەش

  • پارەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ۋاڭنىڭ ئوردىسىدا ئاشپەزلىك قىلىدىغان كىشى؛ ئوردا ئاشپىزى.

پارپاⅠ

  • پارپاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزسىمان غولى ئۇرچۇق شەكىلدە بولۇپ تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ، ئۇيۇغان قاننى تارقىتىش، يەل ماڭدۇرۇش، مەيدىدىكى چىڭلىقنى يوقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

پارپا

  • پارپا[يەشمىسى:] Ⅱ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاكار، پاكىنەك، پەتەك:[مىسال:] پارپا ئادەم. پارپا بوي. پارپا توخۇ.

پار-پار

  • پار-پار[يەشمىسى:] ① «پارⅢ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇنىڭ تېشى پار-پار بولغىنى بىلەن، ئىچى كار-كاردۇر.[يەشمىسى:] ② پارقىرايدىغان، پارقىراق:[مىسال:] پار-پار رەخت.

پار-پۇر

  • پار-پۇر[يەشمىسى:] نۇر ۋە پارقىراق نەرسىلەرنىڭ ھەر خىل پارقىراش ھالىتى:[مىسال:] پار-پۇر قىلماق.

پارت

  • پارت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ ئىتتىك ھەرىكەت قىلىشى ياكى يىرتىلىشى، ئۈزۈلۈشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] مىڭ تەستە تۇتۇپ كەلگەن جەرەن بالىسى «پارت» قىلىپ قېچىپ ھاي-ھۇي دېگۈچە كۆزدىن يوقالدى.

پارتا

  • پارتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاش ۋە خەت يېزىشى ئۈچۈن مەخسۇس ياسىتىلغان ئۈستەل.

پارتاڭچى

  • پارتاڭچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بەتخەج ئىسراپخور.

پارت-پۇرت

  • پارت-پۇرت[يەشمىسى:] ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ ئىتتىك، جىددىي ھەرىكىتىدىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] پارت-پۇرت قاچماق.

پارتكوم

  • پارتكوم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① پارتىيە كومىتېتى نىڭ بوغۇم بويىچە قىسقارغان شەكلى[يەشمىسى:] ② پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشقان جاي؛ بىنا.

پارتگۇرۇپپا

  • پارتگۇرۇپپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] پارتىيە گۇرۇپپىسى.

پارتلاتقۇچ

  • پارتلاتقۇچ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پارتلىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان، پارتلىتىلىدىغان:[مىسال:] پارتلاتقۇچ تۇرۇبا. پارتلاتقۇچ ماددا. پارتلاتقۇچ دورا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پارتلىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان ھەم پارتلىتىش ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان نەرسە:[مىسال:] ئۇ ئاخىرى دۈشمەن پوتىيىگە يېقىن باردى-دە، پارتلاتقۇچنى كۈچ بىلەن ئارانلا تاشلىدى.

پارتلاتقۇچى

  • پارتلاتقۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پارتلىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئادەم.

پارتلاتماق

  • پارتلاتماق[يەشمىسى:] «پارتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئوسمان دۈشمەننىڭ ئوق-دورا ساقلىنىدىغان چوڭ ئامبىرىنى پارتلاتتى.

پارتلاشماق

  • پارتلاشماق[يەشمىسى:] «پارتلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قول بومبىلىرى ئارقا-ئارقىدىن پارتلاشتى.

پارتلىتىلماق

  • پارتلىتىلماق[يەشمىسى:] «پارتلاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يەر بەش قېتىم پارتلىتىلىپ ئاران مۇشۇنچىلىك بولدى.

پارتلىغۇچ

  • پارتلىغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پارتلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان، پارتلايدىغان:[مىسال:] پارتلىغۇچ دورا. پارتلىغۇچ ماددا.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تەلەپپۇز قىلغاندا نۇتۇق ئورگانلىرىدىن ھاۋانىڭ سىقىلىپ پارتلاپ چىقىشى بىلەن ھاسىل بولغان، ئېغىزدا توسقۇنلۇقنى يىمىرىپ پارتلاپ چىقىدىغان:[مىسال:] پارتلىغۇچ تاۋۇش.

پارتلىماق

  • پارتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① جىسىملارنىڭ ھەجىمى تېز كېڭىيىپ، ئەتراپتىكى ھاۋا بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، تەرەپ-تەرەپكە يېيىلىپ پارچە-پارچە بولماق، بۆلەك-بۆلەككە ئاجراپ ئەتراپقا چېچىلماق:[مىسال:] دۈشمەن ئىستىھكامىغا تاشلانغان قول بومبىلىرى ئارقا-ئارقىدىن پارتلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جەمئىيەتتە بەزى ۋەقە-ھادىسىلەر تۇيۇقسىز شىددەتلىك يۈز بەرمەك، پەيدا بولماق، كۆتۈرۈلمەك:[مىسال:] قوزغىلاڭ پارتلىدى.

پارتىداش

  • پارتىداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پارتىدا بىللە ئولتۇرىدىغان ساۋاقداش:[مىسال:] مەن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا قاھار بىلەن پارتىداش ئىدىم.

پارتىداشلىق

  • پارتىداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر پارتىدا بىللە ئولتۇرۇش، ساۋاقداشلىق.

پارتىزان

  • پارتىزان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] دۈشمەن بېسىۋالغان جايلاردا دۈشمەنگە قارشى ياكى بىرەر دۆلەتتە ھاكىمىيەتكە قارشى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغۇچىلار ئەترىتىنىڭ ئەزاسى:[مىسال:] دادام پارتىزانلار سېپىدە دۈشمەنلەر بىلەن سوقۇشۇپ قۇربان بولغانىكەن.

پارتىزانچە

  • پارتىزانچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پارتىزان ھالىتىدە، پارتىزان قىياپىتىدە، پارتىزانغا ئوخشاش، پارتىزاندەك:[مىسال:] بىزدە ھازىر پارتىزانچە يوسۇن بار.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇنتىزىم بولمىغان، چېچىلاڭغۇ (تۇرمۇش ھەققىدە):[مىسال:] سىراجىدىن خىزمەتكە بۆلۈنگەندىن بېرى پارتىزانچە تۇرمۇش كەچۈردى.

پارتىزانلارچە

  • پارتىزانلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پارتىزانلار ھالىتىدە، پارتىزانلارغا ئوخشاش، پاتىزانلاردەك:[مىسال:] پارتىزانلارچە ئۇرۇش قىلماق.

پارتىزانلىق

  • پارتىزانلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زالىم ھاكىمىيەتكە ياكى تاجاۋۇزچى دۈشمەنگە قارشى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان قوراللىق كۈرەش:[مىسال:] ئۇ ئۆز يۇرتىدا پارتىزانلىق قىلدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] پارتىزانلارچە خاراكتېر ئالغان، پارتىزانلار قاتناشقان:[مىسال:] پارتىزانلىق ئۇرۇش.

پارتىيە

  • پارتىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] مەلۇم سىنىپ، تەبىقە ياكى مەلۇم گۇرۇھقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە مەلۇم مەقسەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان سىياسىي تەشكىلات:[مىسال:] كوممۇنىستىك پارتىيە.

پارتىيە-گۇرۇھ

  • پارتىيە-گۇرۇھ[يەشمىسى:] ھەر خىل سىياسىي پارتىيىلەر ياكى سىياسىي پارتىيە تەركىبىدىكى گۇرۇھلار:[مىسال:] دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار.

پارتىيىسىز

  • پارتىيىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پارتىيىگە ئەزا ئەمەس، پارتىيىگە كىرمىگەن:[مىسال:] پارتىيىسىز كادىر.

پارتىيىسىزلىك

  • پارتىيىسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پارتىيىگە كىرمەسلىك، پارتىيىگە ئەزا بولماسلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ پارتىيىسىزلىكى ئۇنىڭ ئورنىنىڭ ئۆسۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ كېلىۋاتاتتى.

پارتىيىلىك

  • پارتىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پارتىيىگە كىرگەن، پارتىيىگە قوبۇل قىلىنغان:[مىسال:] پارتىيىلىك كادىر.

پارتىيىۋى

  • پارتىيىۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پارتىيە پرىنسىپلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدېئولوگىيىسىگە تەئەللۇق:[مىسال:] پارتىيىۋى تۇرمۇش. پارتىيىۋى مەيداندا تۇرماق.

پارتىيىۋىلىك

  • پارتىيىۋىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پارتىيە پرىنسىپلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدېئولوگىيىسىگە تەئەللۇق سالاھىيەت:[مىسال:] مىجىت ئاكا ئۆزىنىڭ پارتىيىۋىلىكىنىڭ ئۇنداق ئىشلارغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.[يەشمىسى:] ② بىرەر پارتىيىگە مەنسۇپلۇق، ئەزالىق:[مىسال:] ھەر مىللەت رەھبىرىي كادىرلىرى پارتىيىۋىلىك ۋە پارتىيە سىياسىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

پارچە

  • پارچە[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە نەرسىلەرنىڭ بىر بۆلىكى؛ پۈتۈن نەرسىدىن كېسىپ، سۇندۇرۇلۇپ ئېلىنغان ياكى ئۆزى ئاجراپ چىققان قىسمى؛ بۆلەك:[مىسال:] قەغەز پارچىسى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆلچەم قىلىنغان مەلۇم بىرلىككە توشماي قالغان؛ پۈتۈن ساننىڭ ئەكسى (پارچىسى):[مىسال:] پارچە پۇل. پارچە سان.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدىغان سۆز:[مىسال:] بىر پارچە خەت. بىر پارچە گىلەم. بىر پارچە ماقالە.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] رومان، پوۋېست قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مەلۇم بىرقىسمى، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان باب، بۆلەكلەر:[مىسال:] روماندىن پارچە.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئاياغلاشقان، يەكۈنلەنگەن ئوي-پىكىرنى بىلدۈرگەن ماۋزۇسىز بىر كۇبلېت شېئىر.

پارچە-پارچە

  • پارچە-پارچە[يەشمىسى:] بىرقانچە پارچىغا بۆلۈنگەن، پارچىلىنىپ كەتكەن؛ بۆلەك-بۆلەك:[مىسال:] پارچە-پارچە يەر. پارچە-پارچە بۇلۇتلار.

پارچە-پۇرات

  • پارچە-پۇرات[يەشمىسى:] ① چوڭ-كىچىك پارچىلاردىن ئىبارەت، ھەر خىل چوڭلۇقتىكى پارچىلارغا بۆلۈنگەن، پارچە-پارچە:[مىسال:] پارچە-پۇرات رەخت. پارچە-پۇرات نەرسىلەر.[يەشمىسى:] ② مۇھىم بولمىغان، ئاساسلىق ئەمەس؛ ئۇششاق-چۈششەك:[مىسال:] پارچە-پۇرات ئىش. پارچە-پۇرات گەپ.

پارچىلاتماق

  • پارچىلاتماق[يەشمىسى:] «پارچىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يىگىرمە كوي پۇلنى پارچىلىتىپ تەييار قىلىپ قويدۇم.

پارچىلاشماق

  • پارچىلاشماق[يەشمىسى:] «پارچىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بىزنىڭ ئىنقىلابىي قوشۇنىمىزنى پارچىلاشتى.

پارچىلانماق

  • پارچىلانماق[يەشمىسى:] ① «پارچىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھازىر لۈكچەكلەر گۇرۇپپىسىمۇ پارچىلاندى.[يەشمىسى:] ② «پارچىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇكام بىلەن ئىككىمىز پارچىلانغان ئوتۇنلارنى بۇلۇڭغا يىغدۇق.

پارچىلىماق

  • پارچىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بۆلەكلەرگە بۆلمەك، ئاجراتماق؛ پارچە قىلماق، پارچە ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] مۇزنى پارچىلىماق. * ساۋۇت ئاشقا بېسىلىدىغان گۆشلەرنى پارچىلاۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② بۆلۈۋەتمەك، ئاجىزلاشتۇرماق:[مىسال:] يۇرتنى پارچىلىماق. ئاممىنى پارچىلىماق.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] تەركىبىي قىسىملارغا ئاجراتماق، بىرىكمىدىن ئاجرىتىپ ئالماق:[مىسال:] ئاتومنى پارچىلىماق. ماددىنى پارچىلىماق.

پاررىدە

  • پاررىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پار» قىلىپ ئاۋاز چىقارغان ياكى نۇر چاچقان ھالدا، «پار» قىلىپ:[مىسال:] يامغۇردىن كېيىن، كۈن پاررىدە ئېچىلىپ كەتتى.

پارسⅠ

  • پارسⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق قىزىپ كۆيۈش، پارچىلىنىش، يېرىلىش، ئېتىلىش، چىڭ تارتقاندىن كېيىن ئۈزۈلۈش ۋە قاتتىق سىلكىنىپ قېقىلىشتىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] ئارغامچا «پارس» قىلىپ ئۈزۈلۈپ كەتتى.

پارسⅡ

  • پارسⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] شۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئىراننىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

پارس-پارس

  • پارس-پارس[يەشمىسى:] «پارسⅠ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] پوجاڭزا پارس-پارس قىلىپ ئېتىلدى.

پارس-پۇرس

  • پارس-پۇرس[يەشمىسى:] «پارس» قىلغان ۋە شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] پارس-پۇرس ئېتىلىپ تۇرغان پوجاڭزا ئاۋازى كىشىنى زادى ئۇخلاتمىدى.

پارسچە

  • پارسچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پارسلارغا، پارس خەلقىگە، پارس تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت، پارس خەلقىگە خاس:[مىسال:] پارسچە كىيىم-كېچەك. پارسچە يېزىق. پارسچە لۇغەت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پارس تىلى، يېزىقى:[مىسال:] مەن پارسچە ئۆگىنىۋاتىمەن.[يەشمىسى:] ③ [مىسال:] [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پارس تىلى، يېزىقىنى ئىشلىتىپ، پارس تىلى، يېزىقى ۋاسىتىسى بىلەن:[مىسال:] پارسچە سۆزلىمەك. پارسچە يازماق.

پارسىلداتماق

  • پارسىلداتماق[يەشمىسى:] «پارسىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پارسىلداشماق

  • پارسىلداشماق[يەشمىسى:] «پارسىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پارسىلدىماق

  • پارسىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پارس-پارس» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «پارس-پۇرس» قىلماق:[مىسال:] تونۇرغا سېلىنغان ھۆل ئوتۇن پارسىلداپ كۆيۈۋاتىدۇ.

پارسىي

  • پارسىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پارس تىلىدا ئېيتىلغان ياكى يېزىلغان؛ پارسچە:[مىسال:] ئابلىز مەخسۇم ئەرەبىي ۋە پارسىي كىتابلارغا مۇكەممەل تەبىر بېرەتتى.

پارقىراتماق

  • پارقىراتماق[يەشمىسى:] «پارقىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئىشخانىنىڭ دېرىزە-ئەينەكلىرىنى پاك-پاكىز سۈرتۈپ پارقىرىتىۋەتتۇق.

پارقىراشماق

  • پارقىراشماق[يەشمىسى:] «پارقىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پارقىراق

  • پارقىراق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پارقىراپ تۇرىدىغان، پارقىراش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، پارقىرايدىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ سىلىق تاملىرى پاكىز ۋە پارقىراق ئىدى.

پارقىراقلىق

  • پارقىراقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پارقىراق ھالەت.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] مىنېرال يۈزىنىڭ نۇر قايتۇرۇشىدىن پەيدا بولىدىغان چاقناش ھادىسىسى.

پارقىرىتىلماق

  • پارقىرىتىلماق[يەشمىسى:] «پارقىراتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پارقىرىغاق

  • پارقىرىغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پارقىرايدىغان، پارقىراپ تۇرىدىغان:[مىسال:] پارقىرىغاق ماددا.

پارقىرىغاقلىق

  • پارقىرىغاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پارقىرايدىغان، پارقىراپ تۇرىدىغان ھالەت.

پارقىرىماق

  • پارقىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پاررىدە قىلىپ يانماق، نۇر چاچماق، پارقىراپ تۇرماق، يورۇماق:[مىسال:] چولپان يۇلتۇزى يول كۆرسەتكۈچى چىراغدەك ئاسماندا پارقىراپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② يالتىرىماق، جۇلالىماق:[مىسال:] ئالتۇننىڭ پوقىمۇ پارقىرايدۇ (ماقال).

پارك

  • پارك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] گۈل ۋە يېشىللىق بىلەن قاپلانغان، سەيلە قىلىش، دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى بار چوڭ باغ:[مىسال:] بىز ئەتە دېڭىز بويلىرىغا بارىمىز، پاركلاردا ساياھەت قىلىمىز.

پارلاتماق

  • پارلاتماق[يەشمىسى:] «پارلىماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] گۈلشەن چىنە، تەخسىلەرنى پارلىتىپ بەش جۈپ سېتىۋالدى.

پارلاشماق

  • پارلاشماق[يەشمىسى:] «پارلىماقⅡ»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] زۆھرەخان بىلەن مەريەم ئاپىسىغا ياردەملىشىپ ئۈگۈت پارلىشىپ بەردى.

پارلاق

  • پارلاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پارلاپ، نۇر چېچىپ تۇرىدىغان، روشەن؛ نۇرلۇق:[مىسال:] پارلاق قۇياش. پارلاق نۇر.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] روناق تاپقان، باياشات، شانلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق.

پارلامېنت

  • پارلامېنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە قانۇن تۈزىدىغان ئەڭ يۇقىرى ئورگان. پارلامېنت ئادەتتە يۇقىرى-تۆۋەن ئىككى پالاتادىن تۈزۈلىدۇ؛ بەزى دۆلەتلەردە بىرلا پالاتا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەزالىرى ئادەتتە سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.

پارلامېنتلىق

  • پارلامېنتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پارلامېنت تۈزۈمى يولغا قويۇلغان:[مىسال:] پارلامېنتلىق تۈزۈم.

پارلاندۇرماقⅠ

  • پارلاندۇرماقⅠ[يەشمىسى:] «پارلانماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پارلاندۇرماقⅡ

  • پارلاندۇرماقⅡ[يەشمىسى:] «پارلانماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سۇنى پارلاندۇرماق.

پارلاندۇرۇلماق

  • پارلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «پارلاندۇرماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پارلانماقⅠ

  • پارلانماقⅠ[يەشمىسى:] «پارلىماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۈگۈن جەمئىي بىر تاغار ئۈزۈم پارلاندى.

پارلانماقⅡ

  • پارلانماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پارغا ئايلانماق، پار ھالىتىگە كەلمەك:[مىسال:] پارلانغان سۇ.

پارلىق

  • پارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پار بار، پار بىلەن تولغان، پار ھاسىل بولغان:[مىسال:] پارلىق قازان.[يەشمىسى:] ② پار بىلەن يۇيۇلىدىغان، پار ئىشلىتىلىدىغان:[مىسال:] پارلىق مۇنچا.

پارلىماقⅠ

  • پارلىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يارقىن نۇر چېچىپ تۇرماق، يورۇق يانماق؛ چاقنىماق:[مىسال:] بۇلۇتسىز ئاسماندا قۇياش پارلىدى.

پارلىماقⅡ

  • پارلىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:]تۈرى:

  • ۇات<[يەشمىسى:] يەشمىسى: روماسخا بويىچە تۈرگە ئايرىماق؛ سورتقا ئايرىماق، خىللىماق، تاللىماق، ئىلغىماق:[مىسال:] ئۈزۈم پارلىماق. ئۇرۇق پارلىماق.[يەشمىسى:] ② جۈپلىمەك، جۈپ-جۈپ ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] پارلاپ تىزىلغان ئۆتۈكلەر مال تەكچىسىگە رەتلىك تىزىلغانىدى.

پارلىنىش

  • پارلىنىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پار ھالىتىگە كېلىش، پارغا ئايلىنىش.

پارنىك

  • پارنىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ھەر خىل گۈل-گىياھ، كۆكتات، مايسا قاتارلىقلارنى تېز ئۆستۈرۈش، يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئۈستى يېپىق ئەينەكلىك جاھازا، خانا؛ بۇ يەردە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا ئىسسىقلىق بېرىش ئارقىلىق ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشىدىكى مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا ساقلاپ قېلىنىدۇ:[مىسال:] پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرمەك.

پارول

  • پارول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي خىزمەتتە ياكى يوشۇرۇن تەشكىلاتلاردا ئۆز كىشىلىرىنى تونۇش ئۈچۈن، ئۇچراشقاندا ئېيتىلىدىغان ۋە ئالدىن بەلگىلەپ قويۇلىدىغان شەرتلىك مەخپىي سۆز.

پارۋاي

  • پارۋاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئۆي-ئىمارەتلەرنى پار ئارقىلىق ئىسسىتىش ئۈچۈن ئورنىتىلىدىغان، تۇرۇبا ۋە پولات نەيچىلەردىن تۈزۈلگەن ئەسلىھە:[مىسال:] ئەسقەر بالىنى پارۋاينىڭ قېشىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ ئىسسىتتى.

پارۋايلىق

  • پارۋايلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پارۋېيى بار، پارۋاي ئورنىتىلغان:[مىسال:] پارۋايلىق ئۆي. پارۋايلىق زال.

پارىخور

  • پارىخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پارا ئالىدىغان، پارا يەيدىغان، پارا يېيىشكە ئادەتلەنگەن:[مىسال:] پارىخور ئادەم.

پارىخورلۇق

  • پارىخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پارا ئېلىش، پارا يېيىش ئىشى، ئادىتى:[مىسال:] پارىخورلۇق قىلماق.

پارىلداتماق

  • پارىلداتماق[يەشمىسى:] «پارىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پارىلداشماق

  • پارىلداشماق[يەشمىسى:] «پارىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پارىلدىتىلماق

  • پارىلدىتىلماق[يەشمىسى:] «پارىلداتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پارىلدىماق

  • پارىلدىماق[يەشمىسى:] «پار-پار» قىلىپ يېنىپ تۇرماق، يورۇق نۇر تارقاتماق، نۇر چېچىپ تۇرماق، پالىلدىماق:[مىسال:] سۇ ئاي يورۇقىدا ئەينەكتەك پارىلداپ كۆرۈنەتتى.

پازىل

  • پازىل[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] پەزىلەتلىك، ياخشى خۇلق ۋە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە:[مىسال:] بۇ شەھەر پادىشاھى ئادىل ۋە خەلقى پازىل بىر شەھەر ئىكەن. [يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

پازىللىق

  • پازىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش پەزىلىتى، ياخشى مىجەز-خاراكتېر، پەزىلەت، ياخشىلىق:[مىسال:] ئۇ ھەقىقەتەن رەھىمدىل ۋە پازىللىقتا باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ.

پاژ

  • پاژ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] سۇ ياكى تەركىبىدە سۇيۇقلۇق بولغان نەرسىلەر ئوتتا قىزىتىلغان ياكى قىزىق ياغقا سېلىنغاندىن كېيىن چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] سۇ قايناپ تېشىپ مەش ئۈستىگە «پاژ» قىلىپ تۆكۈلگەندە چىققان ئاۋاز ئىچكىرىكى ئۆيگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

پاژ-پاژ

  • پاژ-پاژ [يەشمىسى:]«پاژ»سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[يەشمىسى:] ۋاھ، نېمىدېگەن پاژ-پاژ ئىسسىق بۇ

پاژ-پۇژ

  • پاژ-پۇژ[يەشمىسى:] «پاژ» قىلغان ۋەياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] ئاشخانىدىكى پاژ-پۇژ قىلىپ قورۇلۇۋاتقان قورۇمىنىڭ ئاۋازى مېھمانخانىغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

پاژژىدە

  • پاژژىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پاژ» قىلغان ھالدا، «پاژ» قىلىپ:[مىسال:] سەرەڭگە قېپىدا ئاران بىر تال سەرەڭگە قاپتىكەن، شۇنچە ئاۋايلاپ چاقساممۇ «پاژژىدە» قىلدى-دە، ئوت ئالماي ئۆچتى. شۇنداق قىلىپ بىر كېچە قاراڭغۇدا قالدۇق.

پاژىلداتماق

  • پاژىلداتماق[يەشمىسى:] «پاژىلدىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھەلىمىخان مېھمانلار ئۈچۈن پاژىلدىتىپ سەي قورۇۋاتقانىكەن.

پاژىلداشماق

  • پاژىلداشماق[يەشمىسى:] «پاژىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پاژىلدىماق

  • پاژىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پاژ-پاژ» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «پاژ-پاژ» قىلماق:[مىسال:] سۇنىڭ مەش ئۈستىگە پاژىلداپ تۆكۈلۈشى سادىق روزىنىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتتى.

پاسⅠ

  • پاسⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرنەرسىنىڭ ئىككىنچى نەرسىگە ئۇرۇلۇشىدىن، قاتتىق سىلكىنىشى ھەم ئۈزۈلۈشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] ئەزىمەت قولىنى قاتتىق بىر شىلتىۋىدى، ئاپىسىنىڭ يۈزىگە «پاس» قىلىپ تەگدى.

پاسⅡ

  • پاسⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] توپ ئويۇنلىرىدا توپنى ئۆز كاماندىسىنىڭ بىرەر ئەزاسىغا قارىتىپ تاشلاش، ئېتىش ھەرىكىتى:[مىسال:] پاس بەرمەك. پاس چىقارماق.

پاساتⅠ

  • پاساتⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قەستەن، مەقسەتلىك ھالدا قىلىنغان پىتنە-ئىغۋا، ئويدۇرما:[مىسال:] بۇ ئىشلار كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ ۋە تۈرلۈك پاسات خىياللار كوچىسىغا باشلايدۇ.

پاساتⅡ

  • پاساتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قوناق شاخلىرىدىن قۇرۇپ چۈشۈپ قالغان يوپۇرماقلار ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر.

پاساتچىلىق

  • پاساتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورۇنسىز گەپ-سۆز، ئويدۇرمىلار، پىتنە-ئىغۋا ۋە شۇ ھەقتىكى سۆز-ھەرىكەت.

پاسار

  • پاسار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوناق شېخىنىڭ پوست ۋە يوپۇرماقلىرى:[مىسال:] پاسار قالىماق.

پاسار-پۇسقات

  • پاسار-پۇسقات[يەشمىسى:] پاسار ۋە پاسارغا ئوخشاش نەرسىلەر:[مىسال:] ئۇ پاسار-پۇسقاتلارنى مورا ئوچاققا سېلىپ ئوتنى ئۇلغايتتى.

پاساڭⅠ

  • پاساڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باش قوناق، قوغۇن-تاۋۇز قاتارلىق ئۈزۈپ ئېلىنىدىغان زىرائەتلەرنىڭ چالا قالغان قىسمى:[مىسال:] پاساڭ بولماق. پاساڭ قىلماق. * بۈگۈن پۈتۈن مەھەللىلەردىكى ئۇششاق بالىلار قوغۇن پاساڭ قىلدى.

پاساڭداتماق

  • پاساڭداتماق[يەشمىسى:] «پاساڭدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قوناقنى پاساڭداتماق. قوغۇننى پاساڭداتماق.

پاساڭداشماق

  • پاساڭداشماق[يەشمىسى:] «پاساڭدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پاساڭدالماق

  • پاساڭدالماق[يەشمىسى:] «پاساڭدىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قوغۇن-تاۋۇز، باش قوناقلارنىڭ ئاخىرى پاساڭدىلىپ تۈگەپ، ئېتىزلارغا قوي-كالىلار قويۇپ بېرىلگەنىدى.

پاساڭدىماق

  • پاساڭدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باش قوناق، قوغۇن-تاۋۇز قاتارلىق ئۈزۈۋېلىنىدىغان زىرائەتلەرنىڭ چالا قالغان قىسمىنى يىغىۋالماق؛ پاساڭ قىلماق:[مىسال:] بالىلار بۈگۈن قوغۇن پاساڭدىدى.

پاساھەت

  • پاساھەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] چىرايلىق ۋە يېقىملىق سۆزلەش قابىلىيىتى؛ نۇتۇقنىڭ ئېنىق، چۈشىنىشلىك ھەم گۈزەللىكى:[مىسال:] ئوغلۇم، ئىلىم-ئەدەپتە كامىل، پاساھەت ۋە گۈزەللىك ئىگىسى ئىكەنسەن، دەپتۇ بوۋاي مەردانغا.

پاساھەتلىك

  • پاساھەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىرايلىق، يېقىملىق، راۋان سۆزلەنگەن، پاساھەت بىلەن ئېيتىلغان:[مىسال:] سۆز مۇنبىرىگە چىقساڭ، ئۆزۈڭنى مۇستەھكەم تۇت، خاتا سۆزلىمە، سۆزۈڭنى پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن باشلا.

پاس-پاس

  • پاس-پاس[يەشمىسى:] «پاس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] پاس-پاس ئاۋاز.

پاسپاس

  • پاسپاس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كىيىم-كېچەكلەرگە تۈگمە ئورنىدا ئورنىتىلىدىغان پىستان، پىسىلداق.

پاسپورت

  • پاسپورت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] چەت ئەلگە چىقىدىغان پۇقرالارنىڭ سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان دۆلەت تەۋەلىك گۇۋاھنامىسى؛ ھۆججەت؛ ئۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق دىپلوماتىيە ئورگىنى تەرىپىدىن بېرىلىدۇ.

پاس-پۇس

  • پاس-پۇس[يەشمىسى:] «پاس» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] ئابدۇللا ئاچچىقىغا پايلىماي، ئۇنى پاس-پۇسلا ئۇرۇپ سالدى.

پاستا

  • پاستا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[يەشمىسى:] مېدىتسىنا، گىرىمچىلىك، رەسساملىق ۋە شۇ قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدىغان خېمىرسىمان ماددا.

پاسخا

  • پاسخا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① خرىستىئانلارنىڭ، ئەيسانىڭ قايتا تىرىلىشىگە ئاتاپ ئۆتكۈزىدىغان دىنىي بايرىمى. بۇ بايرام ئەتىيازدا كۈن-تۈن تەڭلىشىپ، بىرىنچى قېتىم ئاي تولغاندىن كېيىن كېلىدىغان دەسلەپكى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.[يەشمىسى:] ② يەھۇدىيلارنىڭ باھار پەسلى ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنىي بايرىمى.

پاسسات

  • پاسسات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] ئېكۋاتورنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تۆۋەن ئاتموسفېرا قەۋىتىدە، شىمالىي يېرىم شاردىن چىقىدىغان شەرقىي شىمال شامىلى ۋە جەنۇبىي يېرىم شاردىن چىقىدىغان شەرقىي جەنۇب شامىلى. بۇ خىل شامالنىڭ يۆنىلىشى ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ۋاقىتلاردا ئۆزگىرىدۇ.

پاسسىپ

  • پاسسىپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش-ھەرىكەتكە ئېتىبارسىز قارايدىغان، قىزىقمايدىغان، سۇس، «ئاكتىپ» نىڭ ئەكسى:[مىسال:] پاسسىپ ئادەم. پاسسىپ ئوقۇغۇچى.[يەشمىسى:] ② توغرا بولمىغان، ناتوغرا؛ ناچار، سەلبىي:[مىسال:] پاسسىپ ئامىل.

پاسسىپلاشتۇرماق

  • پاسسىپلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «پاسسىپلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنداق قىلساق ئوقۇغۇچىلارنى پاسسىپلاشتۇرۇپ، ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

پاسسىپلاشتۇرۇشماق

  • پاسسىپلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «پاسسىپلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پاسسىپلاشتۇرۇلماق

  • پاسسىپلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «پاسسىپلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پاسسىپلاشماق

  • پاسسىپلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالماق، ئۆز پائالىيىتىنى بوشاشتۇرۇپ قويماق:[مىسال:] راھىلە ئۆگىنىشتە بارغانسېرى پاسسىپلىشىپ كېتىۋاتىدۇ.

پاسسىپلىق

  • پاسسىپلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاسسىپ ھالەت:[مىسال:] پاسسىپلىقتىن ئاكتىپلىققا ئۆزگەرمەك.

پاسكال

  • پاسكال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خەلقئارا بېسىم كۈچ بىرلىكى.

پاسكىنا

  • پاسكىنا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇلغانغان، كىرلەشكەن، پاكىز بولمىغان، مەينەت، كىر:[مىسال:] پاسكىنا نەرسە. پاسكىنا كىيىم.

پاسكىنا-پۈسكىنە

  • پاسكىنا-پۈسكىنە[يەشمىسى:] پاكىز بولمىغان، پاسكىنا.

پاسكىنچىلىق

  • پاسكىنچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاسكىنا نەرسىلەر بىلەن قاپلىنىپ كەتكەن ھالەت، مەينەتچىلىك:[مىسال:] دىلشات پاسكىنىچىلىق ئىچىدە يېتىپ قالىدىغان بولدى.

پاسكىنىلاشتۇرماق

  • پاسكىنىلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «پاسكىنىلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كۆمۈرنىڭ توپىسى توزۇپ ھويلا-ئارام ۋە ئۆينىڭ دېرىزە، ئەينەكلىرىنى پاسكىنىلاشتۇرۇۋەتتى.

پاسكىنىلاشتۇرۇشماق

  • پاسكىنىلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «پاسكىنىلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پاسكىنىلاشتۇرۇلماق

  • پاسكىنىلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «پاسكىنىلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] زۆھرەم پاسكىنىلاشتۇرۇلغان مېھمانخانىغا قاراپ، ئوغلىنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكىنى بىلدى.

پاسكىنىلاشماق

  • پاسكىنىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پاسكىنا ھالەتكە كەلمەك، پاسكىنا بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] بىر كۈن بولمىسام ئۆينىڭ ئىچىمۇ پاسكىنىلىشىپ كېتىپتۇ.

پاسكىنىلىق

  • پاسكىنىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاسكىنا ھالەت:[مىسال:] پاسكىنىلىق بېسىپ كەتمەك.

پاسلاشماق

  • پاسلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] توپ ئويۇنلىرىدا ئۆزئارا بىر-بىرىگە پاس بېرىشمەك:[مىسال:] ئۇلار تەبىئىي ھالدا شۇنداق ياخشى پاسلىشىپ ماڭدى.

پاسون

  • پاسون[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەر خىل كيىم-كېچەكلەرنىڭ پىچىمى، تىكىلىشى ۋە شۇ خىلدىكى نەرسىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى، شەكلى، مودېلى:[مىسال:] كوچىدا ھەر خىل پاسوندا كىيىنگەن ئون نەچچە كىشى ئالدىرىماي قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېڭى مودا بىلەن ياسىنىپ يۈرىدىغان؛ چىرايلىق:[مىسال:] پاسون قىز. پاسون بولۇپ كەتمەك.

پاسۇنلۇق

  • پاسۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاسونى بار، يېڭى پاسوندا تىكىلگەن:[مىسال:] ئۇ چىرايلىق پاسونلۇق ئاياغ كىيىۋاپتۇ.

پاسىبان

  • پاسىبان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① بىرەر كىشى ياكى نەرسىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى، ئامانلىقىنى، دەخلىسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆزەتكە، پوستقا قويۇلغان كىشى؛ قاراۋۇل، ساقچى:[مىسال:] پادىشاھ دەررۇ پاسىبانلىرىنى نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى بىلىپ كىرىشكە بۇيرۇپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھىمايە قىلغۇچى، مۇھاپىزەت قىلغۇچى، ساقلىغۇچى؛ غەمخور؛ باشپاناھ:[مىسال:] سەپ بېشىدا پاسىبانىمىز، چېۋەر رولچىمىز بولغاچقا بۇ غايە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.

پاسىبانلىق

  • پاسىبانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر كىشى ياكى نەرسىنى قوغداش، ئۇنى تۈرلۈك زىيان-زەخىمدىن ھىمايە قىلىش، غەمخورلۇق:[مىسال:] كېچىلىرى يېرىم كېچىگىچە مەلىكە ئۇخلاپ، ئىنىكئانا پاسىبانلىق قىلسا، يېرىم كېچىدىن كېيىن ئىنىكئانا ئۇخلاپ، مەلىكە پاسىبانلىق قىلدى.

پاسىق

  • پاسىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بۇزۇلغان، چىرىگەن، سېسىغان:[مىسال:] پاسىق سۆڭەكلەر ئاستىدىن جىنلار سەكرەپ چىقتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يامان، ئەخلاقسىز:[مىسال:] مەن كەچۈرگۈسىز گۇناھقا گىرىپتار بولغان پاسىق ئادەم.[يەشمىسى:] ③ پاسكىنا، ئىپلاس:[مىسال:] شاھزادە ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇ پاسىق جادۇگەردىن ئۆچ ئالماقچى بوپتۇ.

پاسىقلىق

  • پاسىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەخلاقسىزلىق، ئىپلاسلىق، ئەسكىلىك:[مىسال:] سېنىڭ پاسىقلىقىڭدىن ئۆيدە بەرىكەت قاچتى.

پاسىل

  • پاسىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىككى دۆلەت، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا، چەك، ئايرىما:[مىسال:] پاسىل قوزۇقى. دېڭىز پاسىلى.∥ پاسىل تام.

پاسىلداق

  • پاسىلداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بۇغداي، قوناق، پۇرچاق قاتارلىقلاردىن قورۇپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر؛ قوماچ.

پاش

  • پاش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە>ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھەممىگە مەلۇم، ئاشكارا، ئايان:[مىسال:] پاش بولماق. پاش قىلماق.

پاشاⅠ

  • پاشاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھاشارات، يېتىلگىنىنىڭ تېنى ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن گەۋدىسىدە بىر جۈپ قانات ۋە ئۈچ جۈپ ئۇزۇن، ئىنچىكە پۇتلىرى بولىدۇ؛ لىچىنكا ۋە قورچاقلىرى سۇدا يېتىلىدۇ؛ ئەركىكى ئۆسۈملۈك شىرنىسى بىلەن، چىشىسى ئادەم ۋە ھايۋان قېنىنى شوراش بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ؛ بەزگەك، يۇقۇملۇق مېڭە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرنى تارقىتىدۇ.

پاشاⅡ

  • پاشاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بۇرۇنقى چاغلاردا تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىي ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋان نامى.[يەشمىسى:] ② خوتۇن-قىزلارنى چاقىرىشتا ھۆرمەتلەش ياكى ئەركىلىتىش مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] پاشا قىز. گۈلمىرە پاشا.[يەشمىسى:] ③ خوتۇن-قىزلارنىڭ ئىسمى.

پاششاپ

  • پاششاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ① ۋاڭ ئوردىسىنىڭ كېچىلىرى كۆزەت قىلىدىغان، جىڭ قاقىدىغان ساقچى ئەمەلدارى.[يەشمىسى:] ② ئۆتمۈشتە مەھەللە ياكى كوچىلارنىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل يەرلىك ئەمەلدار.

پاششاپبېگى

  • پاششاپبېگى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پاششاپ+بەگ+ى[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ۋاڭ ئوردىسىدىكى پاششاپلارنى باشقۇرغۇچى بەگ.

پاششاپلىق

  • پاششاپلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاششاپلار مەسئۇل بولۇپ ئورۇنلايدىغان خىزمەت، ۋەزىپە؛ پاششاپلار ئىشلەشكە تېگىشلىك ئىش:[مىسال:] پاششاپلىق قىلماق. پاششاپلىق ئەمىلى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاششاپلار ئىگىدارچىلىقىدىكى، پاششاپلارغا قاراشلىق، پاششاپلارغا خاس:[مىسال:] موللانىياز پاششاپلىق يەرنى تېرىش ھاشىرى بىلەن سەھەردىلا چىقىپ كەتكەنىدى.

پاشنا

  • پاشنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئاياغ كىيىمنىڭ تاپىنىغا قويۇلىدىغان، چەم ياكى باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان قاتۇرما؛ ئۆكچە:[مىسال:] ئۆتۈكنىڭ پاشنىسى.

پاشنىلىق

  • پاشنىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پاشنىسى بار، پاشنا قويۇلغان:[مىسال:] پاشنىلىق ئاياغ. پاشنىلىق بەتىنكە.[يەشمىسى:] ② پاشنا بولىدىغان، پاشنا قىلىنىدىغان، پاشنا ئۈچۈن تەييارلانغان:[مىسال:] پاشنىلىق چەم.

پاشىلىق

  • پاشىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پاشا كۆپ يەر:[مىسال:] ئابدۇللا ھەر كۈنى بۇ پاشىلىققا كېلەتتى.[يەشمىسى:] ② پاشا چېقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، داكا، ماتا قاتارلىق رەختلەردىن تىكىلگەن چىمىلدىق:[مىسال:] پاشىلىق تارتماق. پاشىلىق تىكمەك.

پاشىئوت

  • پاشىئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پاشا+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئەتىرگۈل ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى بىرەر مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ تىك، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ، ئالتاي تاغلىرىدىن تېپىلىدۇ.

پاق

  • پاق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇشى، ئېتىلىشى ۋە قاتتىق چۈشۈشىدىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] تاپانچا ئۇنىڭ قولىدىن قاڭقىپ سىم كارىۋات ئۈستىگە «پاق» قىلىپ چۈشتى.

پاقاⅠ

  • پاقاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قوش ماكانلىق ھايۋان. بېشى ياپىلاق ھەم كەڭ؛ ئاغزى، كۆزى چوڭ؛ تېرىسى سىلىق، رەڭگى مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئادەتتە يېشىل، كۈل رەڭ سەپكۈنلىرى بولىدۇ؛ بارماق ئارىلىقىدا نېپىز پەردىسى بار؛ سۇدا ياكى سۇغا يېقىن جايلاردا ياشايدۇ، كۆپىنچە قاراڭغۇدا ھەرىكەت قىلىدۇ؛ ئەركەكلىرىدە كۇركىراش ئورگىنى بولىدۇ، ئۈنلۈك كۇركىرايدۇ؛ ئاساسەن ئېتىزلاردىكى زىيانداش ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ؛ يېزا ئىگىلىكىگە پايدىلىق، بالىسى «قۇمچاق» دېيىلىدۇ. يېشىل پاقا ئادەتتە «ئېتىز توخۇسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

پاقىسى قانماق

  • پاقىسى قانماق[يەشمىسى:] تىلىكى ئىجاۋەت بولماق، ئويلىغىنىدەك بولۇپ چىقماق، كۆڭلىدىكىدەك بولماق، ئارزۇسىغا يەتمەك:[مىسال:] ئەمدى پاقاڭ قانغاندۇ 5000 يۈەنگە موتسىكلىت ئېلىپ، ئۇنى مىنگەنگە ئاسمانغا چىقىپ كەتمەسسەن دېدى ئاۋۇت ئاكام ئوغلىنىڭ موتسىكلىتىغا قاراپ قويۇپ.

پاقاⅡ

  • پاقاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈگمەننىڭ تېشىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، شۈمەكنىڭ ئۇچىغا ئورنىتىلغان، تۆپە تاشنىڭ تۆشۈكى ئىچىدە تۇرىدىغان تۆت بۇرجەك ياپىلاق تۆمۈر:[مىسال:] تۈگمەننىڭ پاقىسى.

پاقالچاق

  • پاقالچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۇتنىڭ تىزدىن تارتىپ ئوشۇققىچە بولغان قىسمى:[مىسال:] كاللا دېسە پاقالچاق دېمەك.

پاق-پۇق

  • پاق-پۇق[يەشمىسى:] «پاق» قىلغان ۋە شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] غالىب نىيازنىڭ تۇيۇقسىز تۇرغانلىقىدىن پايدىلىنىپ پاق-پۇق بىرنەچچىنى ئۇرۇۋەتتى.

پاقشىماق

  • پاقشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پاق-پاق» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، پاقىلداپ تۇرماق، پاقىلدىماق.

پاققىدە

  • پاققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پاق» قىلغان ھالدا، «پاق» قىلىپ:[مىسال:] ئەھمەد ئۈستەل ئۈستىگە پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ مۇشتلىرىنى چىڭ تۈگدى.

پاقلان

  • پاقلان[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياشقا توشمىغان قوزا:[مىسال:] پاقلان گۆشى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەت ئالغان، سەمرىگەن (بوۋاق ھەققىدە):[مىسال:] بۇ بالا پاقلان بولۇپتۇ.

پاقۇل

  • پاقۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قوماچ، پاسىلداق.

پاقىچار

  • پاقىچار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پاقا+چار[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] لوخۇ بېلىقنىڭ بىلەكتەك بولغان ۋاقتى؛ كۆزەل.

پاقىچاناق

  • پاقىچاناق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پاقا+چاناق[[يەشمىسى:] تاشپاقا قېپى، جۇڭگو تېبابەتچىلىكىدە دورا ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.

پاقىچىغىرتمىقى

  • پاقىچىغىرتمىقى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پاقا+چىغىرتماق+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چىغىرتماق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى خەنجەرسىمان بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ؛ گۈلى سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، يۈزىدە قىزىل دېغى بولىدۇ؛ مېۋىسى غوزىلىق مېۋە، ئۇرۇقى قارا كېلىدۇ؛ تېبابەتچىلىكتە يىلتىزسىمان غولى دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ قىزىتمىنى ياندۇرۇش، زەھەرنى كېسىش رولى بار.

پاقىچىلاپ

  • پاقىچىلاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] سۇ ئۈزگەندە پۇت قولنىڭ ھەرىكىتىنى پاقا سۇ ئۈزگەندىكىگە ئوخشاش قىلىپ:[مىسال:] پاقىچىلاپ ئۈزمەك.

پاقىلەش

  • پاقىلەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پاقا+لەش[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] جىنتىيانا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى دۈگىلەك، سۇدا لەيلەپ ئۆسىدۇ، گۈلى سېرىق، غوزا مېۋىسى سوقىچاق. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ. سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، ئىسسىقنى قايتۇرۇش رولى بار.

پاقىلداتماق

  • پاقىلداتماق[يەشمىسى:] «پاقىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئاپتوماتنى پاقىلدىتىپ توختىماي ئېتىۋەردى.

پاقىلداشماق

  • پاقىلداشماق[يەشمىسى:] «پاقىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پاقىلداق

  • پاقىلداق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاقىلداپ ئاۋاز چىقىرىدىغان، پاقىلدايدىغان، پاقىلدىغاق:[مىسال:] پاقىلداق گاز. پاقىلداق ئاۋاز.

پاقىلدىماق

  • پاقىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پاق-پاق» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «پاق-پاق» قىلماق:[مىسال:] روزىمەت ھەركۈنى يېزىنىڭ توپىلاڭ يوللىرىدا يالاڭ ئاياغ پاقىلداپ شەھەرگە ماڭاتتى.

پاقىلىقⅠ

  • پاقىلىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاقا بار، پاقا قاپلىغان، پاقا كۆپ:[مىسال:] پاقىلىق يەر. پاقىلىق كۆل.

پاقىلىق

  • پاقىلىق[يەشمىسى:] ① Ⅱ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈگمەننىڭ پاقىسى ئايلىنىپ تۇرىدىغان، پاقا ئورنىتىلىدىغان ئورۇن، جاي.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاقا قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان:[مىسال:] پاقىلىق تۆمۈر.

پاقىئوت

  • پاقىئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پاقا+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «جامكا»غا قاراڭ.

پاقىيوپۇرماق

  • پاقىيوپۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پاقا+يوپۇرماق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پاقىيوپۇرماق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ۋە تۇخۇمسىمان؛ گۈلى باشاقسىمان گۈل رېتىدە؛ مېۋىسى غوزىلىق مېۋە؛ ئۇرۇق ۋە يوپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ؛ ئۇرۇقىنىڭ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش ۋە سۈيدۈكنى راۋان قىلىش؛ يوپۇرمىقىنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇش رولى بار.

پاك

  • پاك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① چاڭ-توزان، كىر قاتارلىقلاردىن خالىي، پاسكىنا بولمىغان، پاكىز:[مىسال:] ئاق بولسۇن، پاك بولسۇن (ماقال).[يەشمىسى:] ② تەركىبى ساپ، بۇلغانمىغان، تازا:[مىسال:] پاك سۇ.[يەشمىسى:] ③ باشقا بىرىنىڭ ئەجرى ئارىلاشمىغان، ئۆزىگە خاس بولغان؛ ھالال:[مىسال:] تاپقىنىم پاك، قۇلىقىم ساق (ماقال).[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نامىغا داغ تەگمىگەن، يامان ئىللەت، يامان ئىشلاردىن خالىي، ساپ ۋىجدانلىق، ساپ:[مىسال:] پاك دىل. پاك قىز. تارىخى پاك. پاك ئادەم.

پاكار

  • پاكار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېگىز ئەمەس، پەس:[مىسال:] قادىرنىڭ بوۋىسى ھاسىنى تۇتۇپ پاكار سۇپىدا ئۇلتۇرىدۇ.

پاكار-پاكار

  • پاكار-پاكار[يەشمىسى:] «پاكار»سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

پاكارلاتماق

  • پاكارلاتماق[يەشمىسى:] «پاكارلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يامغۇر تولا يېغىپ قورۇنىڭ تاملىرىنىمۇ يالاپ پاكارلىتىۋەتتى.

پاكارلاشماق

  • پاكارلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پاكار ھالەتكە كېلىپ قالماق، پاكار بولۇپ قالماق، پاكارلىماق:[مىسال:] بۈگۈن ئۇ تېخىمۇ پاكارلىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى.

پاكارلىتىلماق

  • پاكارلىتىلماق[يەشمىسى:] «پاكارلاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] لېتىپنىڭ بويى ئېگىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ماشىنىنىڭ شوپۇر ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقى پاكارلىتىلدى.

پاكارلىماق

  • پاكارلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پاكار، پەس ھالەتكە كەلمەك، پاكارلاشماق، پەسلىمەك:[مىسال:] بۇ ئادەم قېرىغاندا پاكارلاپ كەتتى.

پاك-پاكىز

  • پاك-پاكىز[يەشمىسى:] ① تاپتازا، ساپمۇساق، ناھايىتى پاكىز:[مىسال:] ئاسفالت يوللار يامغۇر بىلەن يۇيۇلۇپ پاك-پاكىز بولۇپ كەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرنىمۇ قويماي، پۈتۈنلەي:[مىسال:] مېھمان بىر تەخسە مانتىنى پاك-پاكىز يەپ تۈگەتتى.

پاكلاشتۇرماق

  • پاكلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «پاكلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پاكلاشتۇرۇشماق

  • پاكلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «پاكلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پاكلاشتۇرۇلماق

  • پاكلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «پاكلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پاكلاشماق

  • پاكلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پاك ھالەتكە كەلمەك، پاكلانماق:[مىسال:] دوختۇرخانىلار پاكلاشتى.

پاكلانماق

  • پاكلانماق[يەشمىسى:] ① «پاكلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تەرەت ئېلىپ پاكلانغان جامائەت بىر-بىرلەپ مەسچىتكە كېلىشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ② «پاكلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:]

  • ئاشۇ تويدا سېنىڭ روھىڭ شادلاندى،

  • گۈل بېغىمىز شۇمبۇيىدىن پاكلاندى.

پاكلىق

  • پاكلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاك ھالەت، ساپلىق:[مىسال:] مۇھەببەت سۆيگۈسى ۋىجدانغا باغلىق، مۇھەببەت قولدىشى سەمىمىي-پاكلىق.

پاكلىماق

  • پاكلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پاك ھالەتكە كەلتۈرمەك، پاك قىلماق، پاكىزلىماق:[مىسال:] ئۇ غۇسۇل-تاھارەت ئېلىپ، ئۆزىنى پاكلىماقچى بولدى.

پاكىت

  • پاكىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان، رېئال، بار نەرسە؛ ھەقىقىي ۋەقە، ھادىسە ۋە شۇلار ھەققىدىكى مەلۇمات:[مىسال:] پاكىت ئالدىدا پىل ئوسۇرۇپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش، نەرسە ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىش، قەتئىي بىر پىكىرگە كېلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاساس، دەلىل، ھۆججەت:[مىسال:] تارىخىي پاكىت. * پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

پاكىتسىز

  • پاكىتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاكىتى يوق، پاكىتى بولمىغان:[مىسال:] پاكىتسىز ماتېرىيال.

پاكىتلىق

  • پاكىتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاكىتى بار، پاكىتى بولغان، پاكىتقا ئىگە:[مىسال:] پاكىتلىق ماتېرىيال.

پاكىز

  • پاكىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① تازا، پاك، ئېرىغ، مەينەت ئەمەس:[مىسال:] پاكىز سۇ. پاكىز چىنە.[يەشمىسى:] ② تازىلىققا رىئايە قىلىدىغان، ئۆزىنى پاكىز تۇتىدىغان:[مىسال:] پاكىز بالا. پاكىز ئايال.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ۋىجدانلىق؛ پاك؛ توغرا؛ ئادىل:[مىسال:] قىز دېمەك بولۇر پاكىز، پاكىزلىق دېمەككىم قىز.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قالدۇرماي، پۈتۈنلەي، تامامەن، تولۇق، تەلتۆكۈس:[مىسال:] يولدىكى قارلار پاكىز سۈپۈرۈۋېتىلدى.

پاكىزلاتماق

  • پاكىزلاتماق[يەشمىسى:] «پاكىزلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پاكىزلاشماق

  • پاكىزلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پاكىز ھالەتكە كەلمەك، پاكىز بولماق، پاكىزلانماق:[مىسال:] سۇ پاكىزلاشتى. * كىيىم-كېچەكلەر پاكىزلاشتى.

پاكىزلانماق

  • پاكىزلانماق[يەشمىسى:] ① «پاكىزلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ مۇنچىغا بېرىپ پاكىزلىنىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ② «پاكىزلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۈگۈت پاكىزلاندى. كۆكتات پاكىزلاندى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پۈتۈنلەي، تامامەن تۈگىمەك؛ تۈگەشمەك:[مىسال:] ئاخىرى ئاتا-ئانامدىن قالغان ئوقەت پاكىزلىنىپ، تەرمەچ قالاش ھالىتىگە كەلدۇق.

پاكىزلىق

  • پاكىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاكىز ھالەت:[مىسال:] پاكىزلىقنى ساقلىماق.

پاكىزلىماق

  • پاكىزلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پاكىز ھالەتكە كەلتۈرمەك، پاكىز قىلماق، تازىلىماق:[مىسال:] يوتقاننى پاكىزلىماق. چىنىنى پاكىزلىماق.

پاكىنەك

  • پاكىنەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بويى پاكار، پاكارغىنا، پەس (كەمسىتىش ھەم ئەركىلىتىش مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ):[مىسال:] پاكىنەك ئادەم. پاكىنەك بوۋاي.

پاگون

  • پاگون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئوفىتسېر ۋە پاراخوت كاپىتانلىرىنىڭ مۈرىسىگە تاقىلىدىغان ھەم ئۇلارنىڭ دەرىجىسىنى بىلدۈرىدىغان بەلگە:[مىسال:] پاگون تاقىماق.

پاگونسىز

  • پاگونسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاگونى يوق، پاگون تاقىمىغان:[مىسال:] پاگونسىز ھەربىي كىيىم.

پاگونلۇق

  • پاگونلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاگونى بار، پاگون تاقىغان:[مىسال:] پاگونلۇق كىيىم كىيگەن ئەسكەر.

پاڭⅠ

  • پاڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇلىقى ئاڭلىماس، گاس، ساغرۇ:[مىسال:] پاڭ قۇلاق. پاڭ بولماق. پاڭ قىلماق.

پاڭⅡ

  • پاڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] قاتار ئويۇنلىرىنىڭ بىر خىلى. پاڭ ئادەتتە تاختاي ۋە شۇنىڭدەك نەرسىلەرنىڭ يۈزىگە چاقماق شەكلىدە سىزىلىدۇ. ئۇنىڭ سىزىلغان يوللىرىدا پاڭ ئۇرۇقلىرىنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئوينىلىدۇ:[مىسال:] پاڭ ئوينىماق. پاڭ سىزماق.

پاڭⅢ

  • پاڭⅢ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غول-شاخلىرى ۋە يوپۇرماقلىرى ھەددىدىن زىيادە ئۆسۈپ، بۈكلىشىپ، ئۆزىنى كۆتۈرەلمەي يېتىشىپ كەتكەن؛ ھوسۇل بېرىشى كەم بولغان (بۇغداي، شال، ئارپا قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەر ھەققىدە):[مىسال:] بۇغداي پاڭ بولۇپ كېتىپتۇ.

پاڭⅣ

  • پاڭⅣ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىردىنلا ئېتىلىش، يېرىلىش، پارچىلىنىشتىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] مىلتىق «پاڭ» قىلىپ ئېتىلدى.

پاڭپارىماق

  • پاڭپارىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تولا سەمرىپ كېلەڭسىزلىشىپ كەتمەك.

پاڭ-پاڭ

  • پاڭ-پاڭ[يەشمىسى:] «پاڭⅣ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

پاڭ-پۇڭ

  • پاڭ-پۇڭ[يەشمىسى:] «پاڭ» قىلغان ۋە شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] شۇ چاغدا ئارال تەرەپتىن «پاڭ-پۇڭ» قىلغان مىلتىق ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.

پاڭچۇ

  • پاڭچۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>كىيىم-كېچەك<[يەشمىسى:] ئارىلاشما يىپەك يىپتىن توقۇلىدىغان تۈز يوللۇق رەخت. ئۇ نېپىز ۋە يۇمشاق بولۇپ، يازلىق كىيىم تىكىشكە باب كېلىدۇ.

پاڭقايⅠ

  • پاڭقايⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان، قۇلىقى ئېغىر، ئاڭلىماس، ساغرۇ:[مىسال:] بۇ ئادەم كور ياكى پاڭقايمىكىن

پاڭقايⅡ

  • پاڭقايⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئات، كالا، قوي قاتارلىق سۆڭەكلىك ھايۋانلارنىڭ كەينى پۇتىنىڭ تىزىدىن ئوشۇقىغىچە بولغان ئىلىك ئۇستىخىنى؛ سۆڭىكى.

پاڭقايلىق

  • پاڭقايلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇلىقى ئاڭلىماسلىق، ساغرۇلۇق.

پاڭقۇش

  • پاڭقۇش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]پاڭ+قۇش[[يەشمىسى:] كاللىسى ئىشلىمەيدىغان، ساراڭ قېتىش؛ دۆت، كالۋا، ھاڭۋاقتى:[مىسال:] پاڭقۇش ئادەم.

پاڭڭىدە

  • پاڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① «پاڭ» قىلغان ھالدا، «پاڭ» قىلىپ:[مىسال:] مىلتىقتىن «پاڭڭىدە» ئوق چىقىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىردىنلا ئۈن سېلىپ، توساتتىن قاتتىق ئاۋاز بىلەن:[مىسال:] ھېلىقى بالا جىلە بولغىنىدىن «پاڭڭىدە» يىغلىۋەتتى.

پاڭىلداتماق

  • پاڭىلداتماق[يەشمىسى:] «پاڭىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەنمۇ بەتلەكلىك مىلتىقىمنى پاڭىلدىتىپ ئېتىۋەردىم.

پاڭىلدىماق

  • پاڭىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پاڭ-پاڭ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «پاڭ-پاڭ» قىلماق:[مىسال:] دەريانىڭ گاھ ئۇ يېرىدە، گاھ بۇ يېرىدە مىلتىق ئوقى پاڭىلداپ تۇراتتى.

پالⅠ

  • پالⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىنىڭ ئالىقىنىغا قاراش، كىتاب ۋاراقلاش، قارتا ئېچىش، تاش ۋە ماياقلارنى يۆتكەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىنى، شۇنىڭدەك كىشىلەر بىلىشكە قىزىققان نەرسە ياكى ھادىسىلەرنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىدىغان ساختا بېشارەت:[مىسال:] پال باقماق. پال سالماق.

پالⅡ

  • پالⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قۇياش، يۇلتۇز، چىراغ، ئوت قاتارلىقلارنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىپ يېنىش ھالىتى:[مىسال:] ئۆي ئىچىدە بىردىنلا «پال» قىلىپ چىراغ ياندى-دە، يەنە ئۇزىماي «لاپ» قىلىپ ئۆچتى.

پالاتا

  • پالاتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] بەزى كاپىتالىستىك مەملىكەتلەردىكى پارلامېنت.

پالاتماق

  • پالاتماق[يەشمىسى:] «پالىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] پادىشاھ ۋەزىرلىرىگە بۇيرۇق بېرىپ رۇستەمنى ئۈچ يىللىق پالاتتى.

پالاسⅠ

  • پالاسⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئومۇمەن يەرگە، كارىۋاتقا سېلىنىدىغان، يۇڭ ياكى پاختا يىپلىرىدىن توقۇلغان، گىلەم ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇم.

پالاسⅡ

  • پالاسⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئادەملەرنىڭ مېڭىش ھەرىكىتىنىڭ كېلەڭسىز ھالىتى.

پالاس-پالاس

  • پالاس-پالاس[يەشمىسى:] «پالاسⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] قويچى قوي پادىسى ئارقىسىدىن پالاس-پالاس قىلىپ، تىنماي يۈرەتتى.

پالاسلاتماق

  • پالاسلاتماق[يەشمىسى:] «پالاسلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پالاسلاشماق

  • پالاسلاشماق[يەشمىسى:] «پالاسلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار پالاسلىشىپ پىيادە يۈرۈپ كەتتى.

پالاسلىماق

  • پالاسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پالاس-پالاس» قىلغان ھالەتتە ماڭماق:[مىسال:] مەنسۇر ئەتىدىن كەچكىچە ئۆي ئىشلىرى بىلەن پالاسلاپ يۈرەتتى.

پالاشماقⅠ

  • پالاشماقⅠ[يەشمىسى:] «پالىماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پالاشماقⅡ

  • پالاشماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گۆش قاتارلىق نەرسىلەر ئىسسىقتىن بۇزۇلۇپ ئۈستىگە تور باغلاپ كەتمەك.

پالاقⅠ

  • پالاقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى ئەدەپلەيدىغان ياكى سوراقخانىلاردا گۇناھكارنى ئۇرىدىغان جازا قورالى؛ يېسسى تاياق:[مىسال:] پالاق بىلەن ئۇرماق.[يەشمىسى:] ② كېمە، قېيىق، قولۋاقلارنى سۇدا ھەيدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، سۇغا كىرىپ تۇرىدىغان، ئۇچى يېسسى قىلىپ ياسالغان ياغاچ:[مىسال:] قېيىق پالىقى.[يەشمىسى:] ③ چىۋىن ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن سىم ياكى يالتىراق توردىن ياسالغان ساپلىق ئەسۋاب:[مىسال:] چىۋىن پالىقى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] تىكتاك توپ قاتارلىقلارنى ئۇرۇش ئۈچۈن ياغاچ ياكى باشقا نەرسىلەردىن مەخسۇس ياسالغان تەنتەربىيە سايمىنى:[مىسال:] تىكتاك توپ پالىقى.

پالاقⅡ

  • پالاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىخسىغان، بۇزۇلغان، سېسىپ قالغان، كۆكىرىپ قالغان (تۇخۇم ھەققىدە):[مىسال:] پالاق تۇخۇم.

پالاقⅢ

  • پالاقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] يىقىلىش، ئۆرۈلۈش ۋە تېز ھەم تاسادىپىي ھەرىكەتتىن چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] سۇلايمان ئاتتىن «پالاق» قىلىپ يىقىلىش بىلەنلا داد-پەرياد كۆتۈردى.

پالاق-پالاق

  • پالاق-پالاق[يەشمىسى:] «پالاقⅢ»سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

پالاق-پۇلۇق

  • پالاق-پۇلۇق[يەشمىسى:] «پالاق» قىلغان ھەم شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] پالاق-پۇلۇق سۇغا چۈشۈپ كەتمەك.

پالاقتۇمشۇق

  • پالاقتۇمشۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پالاق+تۇمشۇق[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] پالاقتۇمشۇقلار ئائىلىسىدىكى بىر خىل قۇش. چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى جايلار ۋە خەينەنداۋدا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئوتتۇرا قىسىم رايونلار ئۈچۈن پەسىل قۇشلىرى ھېسابلىنىدۇ، جەنۇبى رايونلاردا قىشلايدۇ. ئۇنىڭ چوڭ-كىچىك بىرقانچە خىللىرى بار. تۈك-پەيلىرى باش كىيىملەرنى بېزەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

پالاقچە

  • پالاقچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بېلىقلارنىڭ ھەرىكەت ئورگىنى. ئۇ تىكەنسىمان سۆڭەڭ ۋە پەردە شەكلىدىكى تىرەپ تۇرغۇچى كۆمۈرچەكلەردىن تۈزۈلىدۇ. ئۇنى ئورۇنلاشقان ئورنىغا قاراپ كۆكرەك پالاقچىسى، قورساق پالاقچىسى، دۈمبە پالاقچىسى، ساغرا پالاقچىسى ۋە قۇيرۇق پالاقچىسى دەپ بىرقانچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك گۈللىرىنىڭ ئۇرۇقدانى تۈۋىدە بولىدىغان سۇلۇق ۋە تەڭگىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل قۇرۇلما. سانى ئىككى تال بولۇپ، كىچىك ۋە رەڭسىز كېلىدۇ. ئۇ سۇ سۈمۈرگەندىن كېيىن كۆپۈپ، گۈلىنىڭ ئېچىلىشىنى تېزلىتىدۇ.

پالاققىدە

  • پالاققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پالاق» قىلىپ ئاۋاز چىقارغان ھالدا، «پالاق» قىلىپ:[مىسال:] كىتاب پالاققىدە يەرگە چۈشۈپ كەتتى.

پالاقلاتماق

  • پالاقلاتماق[يەشمىسى:] «پالاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] خوراز قانىتىنى پالاقلاتتى.

پالاقلاشماق

  • پالاقلاشماق[يەشمىسى:] «پالاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كەپتەرلەر ئۈركۈشۈپ پالاقلاشتى.

پالاقلىماق

  • پالاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «پالاق-پالاق» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] ئۇ قاقاقلاپ كۈلۈۋىدى، كاتەك تەرەپتىن توخۇلارنىڭ پالاقلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشنىڭ كويىدا يۈرمەك، ھەرىكەت قىلماق، غېمىنى يېمەك، ئىزدەنمەك:[مىسال:] نىزامىدىن كوللېكتىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇدا بىر يىل پالاقلاپ يۈردى.

پالاقمان

  • پالاقمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كامالەك، ياي.

پالاكەت

  • پالاكەت[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ ئىختىيارىدىن، ئىرادىسىدىن تاشقىرى؛ ئۇشتۇمتۇت، كۈتۈلمىگەندە يۈز بېرىدىغان كۆڭۈلسىز ھادىسە؛ بەختسىزلىك؛ بالا-قازا؛ ئاپەت:[مىسال:] پالاكەت باسماق. * خۇشال بولغاندا كۆزگە پالاكەت كۆرۈنمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چاققان ئەمەس، لەقۋا، لايغەزەل، ئېپى يوق؛ كېلەڭسىز:[مىسال:] ئايۇپ ئاكىنىڭ ئوغۇللىرى پالاكەترەك يىگىتلەردىن ئىدى.

پالاكەتچىلىك

  • پالاكەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پالاكەت باسقان، پالاكەتكە يولۇققان ھالەت؛ پېشكەللىك، نەسلىك، بەختسىزلىك:[مىسال:] ئۇ سېختىن قايتىۋېتىپ بۇ پالاكەتچىلىك ئۈستىگە كېلىپ قالغانىدى.

پالاكەتلەشتۈرمەك

  • پالاكەتلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «پالاكەتلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] چوڭ جۇۋا ئۇنى تېخىمۇ پالاكەتلەشتۈرىۋەتكەنىدى.

پالاكەتلەشتۈرۈلمەك

  • پالاكەتلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «پالاكەتلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پالاكەتلەشمەك

  • پالاكەتلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] لەقۋا، لايغەزەل، كېلەڭسىز ھالەتكە كېلىپ قالماق:[مىسال:] پاتقاق يولدا ماڭغانسېرى پالاكەتلىشىپ، پۇتۇمنى تەستە سۆرەپ كېلىۋاتاتتىم.

پالاكەتلىك

  • پالاكەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پالاكىتى بار، پالاكەت باسقان، پالاكەتكە يولۇققان:[مىسال:] ئۇ بۇ پالاكەتلىك دەۋانى قەيەرگە بېرىپ ئېيتالىسۇن

پالاڭ

  • پالاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇغداي، ئارپا، شال قاتارلىق سامان غوللۇق زىرائەتلەرنىڭ يانجىلغان، لېكىن سامانغا ئايلانمىغان غولى؛ پاخال.

پالان

  • پالان[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] سۆزلىگۈچىگە نامەلۇم بولغان ئادەم، نەرسىلەرنىڭ ئېنىقسىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] پالان ئادەم. پالان كۈن. پالان ۋاقىتتا.

پالان-پۇستان

  • پالان-پۇستان[يەشمىسى:] ئۇ-بۇ، ئۇنداق-مۇنداق:[مىسال:] ئاغىنە «پالان-پۇستان»نى قوي ئەمدى، ئوشۇق گەپنىڭ پايدىسى يوق.

پالان-پوكۇن

  • پالان-پوكۇن[يەشمىسى:] «پالان-پۇستان»غا قاراڭ:[مىسال:] ھازىر بەزىلەر پالان-پوكۇننى يوقىتىمىز دەۋاتىدۇ، بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك.

پالانچى

  • پالانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئاتىمىغان شارائىتتا شۇ ئىسىمنىڭ ئورنىدا كېلىدۇ:[مىسال:] ئۇ ماڭا «پالانچىنىڭ» دەپ ئوچۇق ئېيتىپ بەرمەيدۇ.

پالانچى-پەمدىمانچى

  • پالانچى-پەمدىمانچى[يەشمىسى:] «پالانچى-پۇستانچى»غا قاراڭ.

پالانچى-پوكۇنچى

  • پالانچى-پوكۇنچى[يەشمىسى:] «پالانچى-پۇستانچى»غا قاراڭ.

پالانچى-پۇستانچى

  • پالانچى-پۇستانچى[يەشمىسى:] ① سۆزلىگۈچى ئېيتماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاشنى خالىمىغان ياكى ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلمىگەن شارائىتتا شۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] سەن پالانچى-پۇستانچىلار كېلىدۇ، دېۋىدىڭ، كەلمىدىغۇ[يەشمىسى:] ② سۆزلىگۈچى ئېيتىشنى ئەپ كۆرمىگەن ھاقارەت سۆزلىرى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] سەن ئۇنى پالانچى-پۇستانچى دەپ تىللاپ يۈرسەڭ بولمايدۇ.

پالاندى

  • پالاندى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چەت، ياقا يۇرتلارغا مەجبۇرىي ئەۋەتىلگەن، پالانغان، سۈرگۈن قىلىنغان؛ سۈرگۈن:[مىسال:] پالاندى قىلىنماق.[يەشمىسى:] ② [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] باشقا يۇرتتىن كەلگەن كىشىلەرنى كەمسىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] ماۋۇ مامۇت پالاندى بەش كۈن بولماستىن ھومىيىدىغان بولۇۋالدىغۇ؟

پالانماق

  • پالانماق[يەشمىسى:] «پالىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] سادىر پالۋان ئۈچ قېتىم زىندانغا تاشلاندى، قۇمۇلغا پالاندى.

پالانى

  • پالانى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ئادەم ۋە نەرسىنىڭ ئۆزىنى ئاتىمىغان شارائىتتا ئۇنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] پالانى ئادەم. پالانى جاي.

پالانى-پوكۇنى

  • پالانى-پوكۇنى[يەشمىسى:] «پالانى-پۇستانى»غا قاراڭ.

پالانى-پۇستانى

  • پالانى-پۇستانى[يەشمىسى:] سۆزلىگۈچى ئېيتماقچى بولغان ئادەم ياكى نەرسىنىڭ ئىسمىنى ئېيتمىغان شارائىتتا شۇنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] پالانى-پۇستانىلارنى قويۇپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭلا بار

پالەچ

  • پالەچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] بىر خىل كېسەللىك. بۇنىڭدا، نېرۋا خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ بەدەننىڭ بىر قىسمى ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ھالدا مەھرۇم بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىش، خىزمەت يۈرۈشمىگەن، توختاپ قالغان؛ پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان، ئاقساپ قالغان ھالەت:[مىسال:] خىزمەت پالەچ ھالەتكە چۈ شۈپ قالماق.

پالەچلەنمەك

  • پالەچلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پالەچ ھالەتكە كېلىپ قالماق؛ ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالماق:[مىسال:] مەرھابا بېلىنىڭ تۆۋىنى پالەچلەنگەن مۇھەممەت ئېلىنى ئاۋايلاپ بىر تەرەپكە ئۆرۈپ قويدى.

پالەچلىك

  • پالەچلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پالەچ بولغان ھالەت، ئەھۋال:[مىسال:] كېسەلنى پالەچلىكتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ داۋالاشتىن ئىبارەت. * ئىدارىمىز خىزمەتلىرىنىڭ چۇۋالچاقلىق، پالەچلىك ھالىتىنى چوقۇم ئۆزگەرتەيلى.

پالەك

  • پالەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] لويلا ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، يوپۇرمىقى سەل-پەل ئۈچ بۇرجەك؛ يىلتىزى سەل قىزىل كېلىدۇ؛ ئوتياش ئورنىدا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدۇ.

پالەكلىك

  • پالەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پالەك ئۆستۈرۈلىدىغان جاي.

پال-پال

  • پال-پال[يەشمىسى:] «پالⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] مۈشۈك كۆزىنى «پال-پال» قىلىپ قاراپ تۇراتتى.

پال-پۇل

  • پال-پۇل[يەشمىسى:] يالتىراپ، يورۇق چىقىرىپ تۇرغان ھالەت:[مىسال:] ئۇنىڭ چەكچەيگەن كۆزلىرى «پال-پۇل» قىلاتتى.

پالتا

  • پالتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغاچ ماتېرىياللىرىنى كېسىش، ئوتۇن يېرىش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ياغاچ ياكى تۆمۈر ساپلىق چۇلدىسى بار، تىغلىق سايمان.

پالتۇك

  • پالتۇك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① پەگاھنىڭ بىر چېتى. [يەشمىسى:] ② ئۆي ئىشىكىدىن سۇپىغىچە بولغان پەس جاي.

پالچى

  • پالچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پال ئېچىش، پال سېلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شەخس؛ پال باقىدىغان ئادەم.

پالچىق

  • پالچىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① سۇ يىغىلىپ قالغان جايلاردىكى پاتقاق، سۇيۇق لاي.[يەشمىسى:] ② ئات-ئۇلاغ ياكى پىيادىلەر كېچىپ ئۆتىدىغان سۇ بار كېچىك؛ ئېرىق، ئۆستەڭ.

پالچىلىق

  • پالچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پال ئېچىش، پال سېلىش بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى، پال ئېچىش ئىشى:[مىسال:] پالچىلىق قىلماق.

پالسىز

  • پالسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پال سالدۇرماي، پالغا ئىشەنمەي، پالنى كېرەك قىلماي:[مىسال:] پالسىز يۈرمە پالغا ئىشەنمە (ماقال).

پالقان

  • پالقان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاياغنىڭ سوڭىغا ئورنىتىلغان قەلەي.

پالكۆز

  • پالكۆز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]پال+كۆز[[يەشمىسى:] چانىقى كەڭ، پولتىيىپ چىقىپ تۇرىدىغان كۆز.

پاللادىي

  • پاللادىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى (Palladium)Pd؛ كۈمۈشتەك ئاق، گازلارنى سۈمۈرۈش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، بولۇپمۇ ھىدروگېننى سۈمۈرىدۇ، ساپ ھىدروگېن ئېلىشتا سۈمۈرگۈچى قىلىنىدۇ؛ يەنە «كاتالىزاتور» مۇ قىلىنىدۇ. پاللادىي قېتىشمىسى چىشنى داۋالاش ماتېرىيالى ۋە زىننەت بۇيۇملىرى قىلىنىدۇ.

پالما

  • پالما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پالما ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. غولى سىلىندىر شەكلىدە بولۇپ شاخلانمايدۇ؛ يوپۇرمىقى چوڭ، ئۇزۇن ساپاقلىق، ئالىقانسىمان چوڭقۇر يېرىلغان، ياپراقلىرى تۆمۈنە شەكلىدە كېلىدۇ؛ گۈلى سېرىق، ئاتىلىق، ئانىلىقلىرى ئايرىم تۈپتە بولىدۇ؛ ئۈچكىلىك مېۋىسى ئۇزۇن ۋەيۇمىلاق كېلىدۇ؛ ياغىچىدىن سايمان ياساشقا بولىدۇ.

پالمىلىق

  • پالمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پالما دەرىخى كۆپ ئۆسكەن جاي، پالما دەرىخى بىلەن قاپلانغان يەر.

پالنامە

  • پالنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] پال سېلىش، پال ئېچىش قائىدىلىرى يېزىلغان مەخسۇس قوللانما، كىتاب.

پالوپا

  • پالوپا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاقساپ ماڭىدىغان، تولا پۇتلىشىدىغان؛ پۇتلاشقاق.

پالۋان

  • پالۋان[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىسمانىي جەھەتتىن كۈچلۈك، بەقۇۋۋەت، جەسۇر؛ باتۇر كىشى:[مىسال:] يۈگەنسىز ئاتنى پالۋان مىنسۇن (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جەڭدە، چېلىشتا زور كۈچ كۆرسىتىپ باتۇر دەپ ئاتالغان:[مىسال:] پالۋان يىگىت.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] قارىغا ئېتىشقا، چەنلەشكە ماھىر؛ مەرگەن:[مىسال:] خوجىنىياز پالۋان ياقۇپ ياساۋۇلنى قوغلىدى. ئۇ قېچىپ كېتىۋېتىپ، ھە دەپ ئوق چىقىراتتى.

پالۋانلارچە

  • پالۋانلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پالۋانلارغا خاس، پالۋانلارغا ئوخشاش، پالۋانلاردەك:[مىسال:] پالۋانلارچە جەڭ قىلماق.

پالۋانلىق

  • پالۋانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پالۋانلارغا خاس ئىش-ھەرىكەت، تۇرۇق-ھالەت، خۇسۇسىيەت:[مىسال:] بەستىدىن پالۋانلىق چىقىپ تۇرىدىغان گەۋدىلىك بىر كىشى ئالدىراپ كىرىپ كەلدى.

پالېئونتولوگىيە

  • پالېئونتولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] گېئولوگىيىلىك تارىخىي دەۋرلەردىكى جانلىقلارنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش، تۈرلەرگە بۆلۈنۈش، ئۆزگىرىش ۋە تارقىلىش قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم. ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى جانلىقلارنىڭ يەر قاتلاملىرىدا، ساقلىنىپ قالغان ئىز، جەسەتلىرى ۋە تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرىدىن ئىبارەت.

پالىلداتماق

  • پالىلداتماق[يەشمىسى:] «پالىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قادىر كۆزىنى پالىلدىتىپ قاراپ تۇرىۋەردى.

پالىلداشماق

  • پالىلداشماق[يەشمىسى:] «پالىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاسمان چېھرىسىدىكى تۈركۈم-تۈركۈم يۇلتۇزلار پالىلدىشاتتى.

پالىلدىماق

  • پالىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پال-پال» قىلىپ يانماق، «پال-پال» قىلماق، يالتىرىماق:[مىسال:] ئۇلارنىڭ بىسى كەڭ قىلىچلىرى پالىلدىدى.

پالىماق

  • پالىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر جىنايەت ياكى گۇناھ بىلەن ئەيىبلەپ بىر يۇرتتىن باشقا بىر جاپالىق يۇرتقا ھەيدىمەك، سۈرگۈن قىلماق:[مىسال:] خان قوزغىلاڭچىلاردىن مىڭغا يېقىن كىشىنى ئىلىغا پالىدى.

پالىنولوگىيە

  • پالىنولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بوتانىكىنىڭ بىر تارمىقى، قەدىمكى ۋە ھازىرقى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سپورىسى ۋە گۈل چېڭىنىڭ ھالىتى، يېرىلىشى، تۈرگە بۆلۈنۈشى، ئۆزگىرىشى، گېئولوگىيىلىك ۋە جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى جەھەتلەردىكى قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ.

پامپا

  • پامپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاختارمىلىقتىكى يوغان چالما؛ داڭگال.

پانا

  • پانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئاراچلىرىغا قېقىلىپ، چىڭىتىش رولىنى ئوينايدىغان ياكى بىرەر نەرسىنى يېرىش ۋە ئاجرىتىشتا ئارىلىقىغا قىستۇرۇلىدىغان، ياغاچ ياكى تۆمۈردىن ئىشلىنىدىغان ياپىلاق سايمان؛ چوڭ شىنا:[مىسال:] پانا قاقماق.

پانار

  • پانار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] يورۇتۇش نۇقتىسى يەنى ئوتى، شېشە بىلەن ئورالغان چىراغ:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلارنى ئۇزىتىپ قويۇپ، لۇتپۇللا يەنە پانار يورۇقىدا يېزىشنى داۋاملاشتۇردى.

پاناق

  • پاناق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇرۇن كۆمۈرچىكى تەرەققىي قىلمىغان، بۇرنى پەس، قاڭشارسىز:[مىسال:] پاناق بۇرۇن.

پاناھ

  • پاناھ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز ھىمايىسىدە ساقلىغۇچى، قوغدىغۇچى، ھىمايە قىلغۇچى:[مىسال:] ئەزالار بىزنى ئۆزلىرىگە پاناھ بولىدۇ دەپ ئۈمىد كۈتمەكتە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھىمايە، ھامىيلىق:[مىسال:] ئى ئاللا، ئوغلۇمنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ساقلىنىشقا بولىدىغان، خالىي:[مىسال:] پاناھ جاي.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھىمايە، پاناھ تېپىش مۇمكىن بولغان جاي:[مىسال:] پاناھ تاپماق.

پاناھدىماق

  • پاناھدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① خاتىرجەم، خالىي جاينى ماكان قىلماق؛ ئۆزىنى دالدىغا ئالماق:[مىسال:] ماڭا بىر جايغا بېرىپ پاناھدىماقتىن باشقا چارە يوق ئىكەن.[يەشمىسى:] ② پاناھ ئىزدىمەك، پاناھ تاپماق:[مىسال:] مەقسۇت بەگ كۇچارنى پاناھداپ شۇ ياققا يول تارتتى.

پاناھسىز

  • پاناھسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاناھلىنىدىغان ئورنى، ھىمايىچىسى، ئىگە-چاقىسى يوق:[مىسال:] پاناھسىز يېتىم.

پاناھسىزلىق

  • پاناھسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاناھلىنىدىغان ئورنى، ھىمايىچىسى، ئىگە-چاقىسى يوقلۇق:[مىسال:] پاناھسىزلىق سەن ئۈچۈن زۇلۇم.

پاناھگاھ

  • پاناھگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] پاناھ بولىدىغان جاي:[مىسال:] ئۇلار دېھلى سۇلتانلىقىنى پاناھگاھ قىلغانىدى.

پاناھلانماق

  • پاناھلانماق[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پاناھ تېپىش مۇمكىن بولغان خاتىرجەم، خالىي جايغا يوشۇرۇنماق:[مىسال:] مەن خەۋپتىن پاناھلىنىش ئۈچۈن قاچتىم.

پاناھلىق

  • پاناھلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قوغدىلىدىغان ئورۇن، جاي، ماكان؛ ئۆزىنى قوغداشقا يېتەرلىك شەرت-شارائىت:[مىسال:] پاناھلىق بەرمەك.[يەشمىسى:] ② مېھرىبانلىق، مېھىر-شەپقەت:[مىسال:] پاناھلىق تىلىمەك.

پاناھلىنىشماق

  • پاناھلىنىشماق[يەشمىسى:] «پاناھلانماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پانئامېرىكانىزم

  • پانئامېرىكانىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە+ئىنگ[[يەشمىسى:] ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىشىنى تەرغىب قىلىدىغان تەشەببۇس. بۇنى ئەسلى ⅨⅩ ئەسىردىكى لاتىن ئامېرىكىسى مىللىي ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىرى ئىسپانىيە، پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان.

پانئامېرىكىچىلىق

  • پانئامېرىكىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پانئامېرىكانىزمنى تەرغىب قىلىش.

پانتوتېن

  • پانتوتېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، مولېكۇلا فورمۇلاسى C9H17O5N ۋىتامىن B نىڭ بىر خىلى، يەنى رەڭسىز يېپىشقاق سۇيۇقلۇق؛ جىگەر، فېرمېنت ۋە تۇخۇم سېرىقىدا بولىدۇ؛ ئادەم تېنىدە پانتوتېن كىسلاتاسى كەم بولسا تېرە كېسەللىكى، بۆرەك ئۈستى بېزىدىن قان چىقىش قاتارلىق كېسەللەر كېلىپ چىقىدۇ.

پانتوگراف

  • پانتوگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ھەرقانداق بىر شەكىلگە ئوخشاش شەكىلنى بەلگىلىك چوڭايتىش ياكى كىچىكلىتىش نىسبىتى بويىچە سىزىشتا قوللىنىلىدىغان بىر خىل ئەسۋاب.

پانتۈركىزم

  • پانتۈركىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] تۈرك بۇرژۇئازلىرى ۋە پومېشچىكلىرى ئارىسىدا ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەيدا بولغان ۋە تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان بارلىق خەلقلەرنى تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇندۇرۇش، تۈرك دۆلىتىگە بىرلەشتۈرۈش ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلىدىغان بىر خىل نەزەرىيە.

پانتۈركىزمچىلىك

  • پانتۈركىزمچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پانتۈركىزمنى تەرغىب قىلىش، پانتۈركىزم يولىدا مېڭىش.

پانتۈركىست

  • پانتۈركىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] پانتۈركىزمنى ھىمايە قىلغۇچى، پانتۈركىزم تەرەپدارى.

پانتېئىزم

  • پانتېئىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] خۇدانى-تەبىئەت بىلەن بىر دەپ ھېسابلايدىغان ۋە تەبىئەت-خۇدانىڭ مۇجەسسەملەنگەن ھالىتى، دەپ قارايدىغان دىنىي پەلسەپىۋى تەلىمات.

پانروھچىلىق

  • پانروھچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] پەن بىلەن زىتلىشىدىغان ئىدېئالىستىك نۇقتىئىنەزەر. ئۇ بارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىدە جان بار دەپ قارايدۇ.

پانۇس

  • پانۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ئادەتتە قولدا كۆتۈرىدىغان ياكى بىرەر جايغا ئېسىپ قويۇلىدىغان، شامال ۋە ھۆل-يېغىندىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىرتى قەغەز ياكى ئەينەك بىلەن قاپلانغان، ئىچىگە شام ياكى كىرسىن يېقىلىدىغان بىر خىل چىراغ:[مىسال:] دەرەخلەر ئارىسىغا خىلمۇخىل رەڭلىك پانۇسلار ئېسىلغانىدى.

پانۇسچى

  • پانۇسچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پانۇس ياساش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى؛ پانۇس ياسايدىغان ئۇستا:[مىسال:] بۇلارنىڭ سەككىز-توققۇزى پانۇسچى ئۇستا ئىدى.[يەشمىسى:] ② پانۇس كۆتۈرىدىغان ئادەم.

پانۇسگۈل

  • پانۇسگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پانۇس+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چىنىگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. دورا ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، قىزىتمىنى قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش رولىغا ئىگە.

پانئىدراكچىلىق

  • پانئىدراكچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] مەۋجۇدىيەت بىلەن تەپەككۇرنىڭ بىرلىكى توغرىسىدىكى ئىدېئالىستىك نەزەرىيە. پانئىدراكچىلىق تەبىئەت دۇنياسى بىلەن جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل تەرەققىياتى «ئالەم روھى» نىڭ ئەقلى، لوگىكىلىق پائالىيىتىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ.

پانئىسلامىزم

  • پانئىسلامىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يېقىن شەرقتە پەيدا بولغان پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مىللەت ئايرىماي ئىتتپاقلىشىپ، دۆلەتتىن، مىللەتتىن، رايوندىن ھالقىغان، بىرلىككە كەلگەن ئىسلام ئىمپېرىيىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر خىل دىنىي ۋە سىياسىي پىكىر ئېقىمي.

پانئىسلامىزمچى

  • پانئىسلامىزمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پانئىسلامىزمنى ھىمايە قىلغۇچى، پانئىسلامىزم تەرەپدارى.

پانئىسلامىزملىق

  • پانئىسلامىزملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پانئىسلامىزمغا ئائىت، پانئىسلامىزمغا تەۋە بولغان:[مىسال:] پانئىسلامىزملىق كۆزقاراش.

پانئىسلامىست

  • پانئىسلامىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پانئىسلامىزمنى تەرغىب قىلىدىغان شەخس، پانئىسلامىزم تەرەپدارى.

پانئىلاھچىلىق

  • پانئىلاھچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] بىر خىل پەلسەپىۋى تەلىمات. بۇ خىل تەلىمات بويىچە بولغاندا، ئىلاھ ئىنسانىي بولمىغان مەنبە، بۇ مەنبە تەبىئەت دۇنياسىنىڭ سىرتىدا بولماستىن، بەلكى تەبىئەت دۇنياسى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ. دېمەك، پانئىلاھچىلىق روھنى تەبىئەت دۇنياسىغا سىڭدۈرۈپ، تەبىئەتتىن تاشقىرى مەنبەنى ئىنكار قىلىدۇ.

پانىلاتماق

  • پانىلاتماق[يەشمىسى:] «پانىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پانىلانماق

  • پانىلانماق[يەشمىسى:] «پانىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پانىلىق

  • پانىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پانىسى بار.[يەشمىسى:] ② پانا ئۈچۈن تەييارلانغان، پانا قىلىشقا بولىدىغان:[مىسال:] پانىلىق ياغاچ.

پانىلىماق

  • پانىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە پانىنى كىرگۈزمەك، پانا قاقماق.

پانىي

  • پانىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تېز ئۆتۈپ كېتىدىغان؛ ۋاقىتلىق، ئۆتكۈنچى، ئامانەت:[يەشمىسى:] پانىي ئالەم. پانىي دۇنيا.

پاھ

  • پاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش ياكى سۆز-ھەرىكەتكە ھەيران قېلىش، ئەجەبلىنىشنى بىلدۈرىدۇ:[يەشمىسى:] پاھ، قوللىرىڭىز نېمانچە قاتمال[يەشمىسى:] ② مەمنۇنلۇق، خۇشاللىق ۋە ھاياجاننى بىلدۈرىدۇ:[يەشمىسى:] پاھ، تازا ۋاقتىدا مېھمان بولۇپ كەپتىمەن-دە

پاھىشە

  • پاھىشە[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نىكاھلانمىغان ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى بۇزۇقچىلىق، زىنا:[يەشمىسى:] پاھىشە قىلماق. پاھىشە ئۆتكۈزمەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زىنا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان؛ ئەخلاقى بۇزۇق (ئاياللار ھەققىدە):[يەشمىسى:] پاھىشە خوتۇنلار كۆپ ۋاقىتتا سىزلام كېسىلىنىڭ ئاساسىي مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

پاھىشىخانا

  • پاھىشىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] پاھىشىلەر تۇرىدىغان، پاھىشىۋازلارنى قوبۇل قىلىدىغان جاي.

پاھىشىۋاز

  • پاھىشىۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] پاھىشىلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بېرىلگەن، ئەخلاقى بۇزۇق ئەر؛ زىناخور.

پاھىشىۋازلىق

  • پاھىشىۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاھىشىلەر بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىشقا بېرىلىش ئادىتى؛ زىناخورلۇق:[يەشمىسى:] پاھىشىۋازلىق ئۇنىڭ جامائەت ئىچىدىكى يۈزىنى قويمىدى.

پائۇزا

  • پائۇزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] ① كۈي، شېئىر-قوشاقلاردىكى ئۈزۈلۈش، توختاش ۋە ئۇنىڭ بەلگىسى.[يەشمىسى:] ② ئوپېرا، بالېتلاردا پەردە ئارىلىقىدا چېلىنىدىغان ۋە ناخشا باشلىنىش ئالدىدا چېلىنىدىغان ئۇششاق مۇزىكا؛ مەرغۇل.

پاۋان

  • پاۋان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ئوۋچى؛ مەرگەن:[يەشمىسى:] پاۋان دەرد يەيدۇ، بالىلىرى گۆش يەيدۇ (ماقال).

پاۋلونىيە

  • پاۋلونىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چوقا ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ياغىچى يۇمشاق بولۇپ مۇزىكا ئەسۋابلىرى، مودېل قاتارلىقلارنى ياساشقا بولىدۇ.

پاۋىئان

  • پاۋىئان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] تۇمشۇقى ئۇزۇن، بىر خىل چوڭ مايمۇن. ئۇ ئافرىقا ۋە ئەرەبىستاندا ياشايدۇ.

پائىلاتۇن

  • پائىلاتۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەرەب تىلى مورفولوگىيىسىدىكى ئىككىنچى بوغۇمى قىسقا سوزۇق تاۋۇش، قالغانلىرى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش بولغان تۆت بوغۇملۇق سۆز فورمۇلىسى بولۇپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئارۇز ۋەزنىدىكى بەھرى تەۋىل تۈركۈمىنىڭ ھەجەز بەھرى (-v–) فورمۇلىسىنى كۆرسىتىدۇ.

پائىلۇن

  • پائىلۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئارۇز ۋەزنىدىكى بىر روكىن يەنى ئاساسلاردىن بىرى.

پايⅠ

  • پايⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر تىجارەت ياكى كەسىپنى يولغا قويۇش ئۈچۈن شېرىكچىلىك ئاساسىدا قوشۇلغان ھەسسە؛ ئۈلۈش، دەسمايە:[يەشمىسى:] پاي پۇلى. پاي قوشماق.

پايⅡ

  • پايⅡ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۇت، ئاياغ؛ تاپان:[مىسال:]

  • كۆرسەتكىن نىزارىنىڭ خانىسىنى،

  • مەن ئۇنىڭ ئىز-پايىنى قىلاي تاۋاپ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر جۈپ ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەربىرى:[يەشمىسى:] سىڭار پاي ئاياغ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ؛ دانە، تال:[يەشمىسى:] ئون ئىككى پاي ئوق. تۆت پاي قاسقان.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياغ ئىزى كۆپ تەگكەن؛ كۆپ دەسسەلگەن يەر ياكى نەرسە:[يەشمىسى:] جۇۋازنىڭ پېيى.

پايⅢ

  • پايⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇغداي، شال، ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ئورۇلۇپ، باغلانغان ھالىتى:[يەشمىسى:] پاي تىكمەك.

پايⅣ

  • پايⅣ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غەيرەت؛ چىدام، بەرداش:[يەشمىسى:] پاي بەرمەك.

پايان

  • پايان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① جاي، مۇساپە، يول قاتارلىقلارنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى؛ چېگرىسى:[مىسال:]

  • زەپ ئوخشىغان بۇغداينىڭ پايانى ھېچ كۆرۈنمەس؛

  • كېچە-كۈندۈز قۇندۇزنىڭ ھارغىنلىقى بىلىنمەس.[يەشمىسى:] ② ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆز، ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ ئاخىرى؛ داۋامى:[مىسال:]

  • بىلمىدىم كۈلپەتنىڭ بارمۇ پايانى،

  • ئالەمگە ھەمراھكەن ئادەم پىغانى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھېس-تۇيغۇ، كەچۈرمىشقاتارلىقلارنىڭ چېكى؛ ئاخىرى:[مىسال:]

  • تارقىلىپتۇ ئاخشامقى تۈن تۇمانى،

  • ئېقىن بىلەن بىللە ئۈزدۈم باھاردا،

  • بۇ ئېقىنغا ئىشقىمنىڭ يوق پايانى،

  • ئۇ ئاققان جاي بولغاچ قەلبىم ماكانى.

پايانداز

  • پايانداز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىنتايىن ھۆرمەتلىك بولغان مېھمانلارنىڭ يولىغا سېلىنىدىغان گىلەم؛ پالاس:[يەشمىسى:] پاپانداز سالماق.

پاياندازلىق

  • پاياندازلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاياندىزى بار، پايانداز سېلىنغان:[يەشمىسى:] قىزىل پاياندازلىق زال.

پايانسىز

  • پايانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېكى، چېگرىسى يوق؛ ناھايىتى كەڭ؛ كۆز يەتكۈسىز؛ بىپايان:[مىسال:] ئۇ يەر پايانسىز جاڭگاللىق بولۇپ، سۇدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.

پايە

  • پايە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① ئېگىزلىككە چىقىپ چۈشۈشتە ئىشلىتىلىدىغان شوتا، پەلەمپەي؛ باسقۇچ:[يەشمىسى:] ھاتەم ئورنىدىن تۇرۇپ، تەختنىڭ بىرىنچى پايىسىگە قەدەم قويدى.[يەشمىسى:] ② پۇت، ئاياغ:[مىسال:]

  • ئەتىرگۈلدەك چىرايىڭغا بېقىپ، رەڭگىم چىلان بولدى،

  • تىكەن پايەڭ تۈپەيلىدىن مېنىڭ كۆكسۈممۇ قان بولدى.[يەشمىسى:] ③ ياغاچ ياكى ساپالدىن ياسالغان چىراغ قويىدىغان جاھاز:[مىسال:]

  • ئالدىڭ ئۈچ ئامىلدىن «چىراغ» دېگەن نام،

  • بىرى ياغ، پىلىكۇ، بىرىدۇر پايە.[يەشمىسى:] ④ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شېخى، يوپۇرمىقى، گۈلى ۋە مېۋىلىرىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان يەر ئۈستى قىسمى؛ غولى، تۈپى:[مىسال:]

  • ئەتراپتا كۆرۈنمەيدۇ ئىنسان سايىسى،

  • باغلاردا زەپىران گۈللەر پايىسى.

پايپاس

  • پايپاس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تەمتىرەپ ھولۇقۇپ، بىر پۇتىنى ئېگىز، بىر پۇتىنى پەس كۆتۈرگەن ھالدا مېڭىش ھالىتى.

پايپاس-پايپاس

  • پايپاس-پايپاس[يەشمىسى:] «پايپاس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[يەشمىسى:] «پايپاس-پايپاس» مېڭىپلا يۈرەمسەن

پايپاسلاتماق

  • پايپاسلاتماق[يەشمىسى:] «پايپاسلىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پايپاسلاشماق

  • پايپاسلاشماق[يەشمىسى:] «پايپاسلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:]

  • يول كەڭرىتىپ پوش-پوشلاپ، پايپاسلىشىپ يۈرۈپتۇ.

  • شاھقا «شاھى-نىجات» دەپ، نامۇنىشان بېرىپتۇ.

پايپاسلىتىلماق

  • پايپاسلىتىلماق[يەشمىسى:] «پايپاسلاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پايپاسلىماق

  • پايپاسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر خىل ئاۋاز چىقارغان ھالدا ھولۇقۇپ، تەمتىرەپ، ئالدىراپ ئېگىز-پەس دەسسەپ ماڭماق:[يەشمىسى:] سامىلاق جىسانىڭ خوتۇنى پايپاسلاپ ساي بويىغا قاراپ ماڭدى.

پايپاق

  • پايپاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پۇتنىڭ پەنجىسىدىن تارتىپ تىزىغىچە بولغان قىسمىنى ئوراپ، بېسىپ تۇرىدىغان، ھەر خىل يىپتىن توقۇلغان ئاياغ (پۇت) كىيىمى.[يەشمىسى:] ② ئۇچار قۇشلارنىڭ پەنجىسى ئۈستىدىن ئۆسۈپ چىققان يۇمران پەيلەر.

پايپاققا دەسسىمەك

  • پايپاققا دەسسىمەك[يەشمىسى:] ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىماق، پېشكەللىككە يولۇقماق.

پايپاققا نال قاققاندەك

  • پايپاققا نال قاققاندەك[يەشمىسى:] پەقەت جايىغا چۈشمىگەن، لايىقىدا بولمىغان؛ داڭقان پۇتى:[يەشمىسى:] خۇ ئەپەندى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىشكە ماھىر، شۇڭا پېقىرنىڭ سۆزىنى پايپاققا نال قاققاندەك سۆز دېمەس.

پايپاقچىلىق

  • پايپاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پايپاق توقۇش ۋە سېتىشئىشى، كەسپى.

پايپاقلىق

  • پايپاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پايپىقى بار، پايپاق كىيگەن:[يەشمىسى:] ھەممىنىڭ ئالدىدا زېغىر رەڭ پايپاقلىق بىر ئايال كېلىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② پەنجىسىنىڭ ئۈستىنى يۇمشاق پەي قاپلىغان، تۈكلۈك، يۇڭلۇق (قۇشلار ھەققىدە):[يەشمىسى:] پايپاقلىق خوراز. پايپاقلىق كەپتەر.[يەشمىسى:] ③ پايپاق تىكىش، توقۇش ئۈچۈن لايىق، باب:[يەشمىسى:] پايپاقلىق يۇڭ. پايپاقلىق يىپ.

پايپېتەك

  • پايپېتەك[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]پاي+پېتەك[[يەشمىسى:] ئالدىراش-تېنەش، ئاۋارە، پاتىپاراق:[يەشمىسى:] ساھىبخانا مېھمانلارنى مەزەگە ئېغىز تېگىشكە زورلاش بىلەن پايپېتەك ئىدى.

پايپېتەكچىلىك

  • پايپېتەكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پايپېتەك بولغان ھالەت:[يەشمىسى:] مانا شۇ كۈندىن باشلاپ پايپېتەكچىلىك باشلاندى.

پايپىلىقۇش

  • پايپىلىقۇش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قولى قىسقا، ھال-ئەھۋالى ناچار، نامرات، ئۇتتۇرلۇق.

پايتەخت

  • پايتەخت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھاكىمىيەت ئورگانلىرى ئورۇنلاشقان شەھەر ۋە شۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي مەركىزى.

پايتىما

  • پايتىما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قونچلۇق ئاياغ كىيگەندە پۇتقا ئورىلىدىغان رەخت؛ ماتا، كىگىز پارچىسى.

پايتىمىسى چۇۋۇلماق

  • پايتىمىسى چۇۋۇلماق[يەشمىسى:] ئەپتى-بەشىرىسى ئېچىلماق، ئەيىبى ئاشكارىلانماق.

پايتىمىسىز

  • پايتىمىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پايتمىسىسى يوق، پۇتىغا پايتىما ئورىمىغان.

پايتىمىلىق

  • پايتىمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پايتىما قىلىشقا بولىدىغان، پايتىما قىلىنىدىغان:[يەشمىسى:] پايتىمىلىق ماتا.

پايچى

  • پايچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەسسىدارلىق شىركىتىدىكى پاي چېكىنى باشقۇرىدىغان ۋە پاي قوشقان كىشى، ھەسسىدار.

پايچىلىق

  • پايچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پايچىكلار بەھرىمەن بولۇشقا ۋە ئادا قىلىشقا تېگىشلىك:[يەشمىسى:] پايچىلىق ھوقۇق. پايچىلىق مەجبۇرىيەت.

پايخان

  • پايخان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرىنچى قېتىم سورۇلغان خاماندىن چىققان، قايتا يانجىشقا تەييارلانغان يىرىك سامان ۋە باشاقلار:[يەشمىسى:] تەخەيلىك ئېشەك پايخانغا يارىماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② پاچاق سۆڭىكى:[يەشمىسى:]

  • بەلكى، چىن ئىنسانغا ياتتۇر ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىماق،

  • ئىتقىلا خاس بىر ھۈنەردۇر ئەسلىي پايخان چاينىماق.

پايخانلىماق

  • پايخانلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دەسسەپ تېخىمۇ يۇمشاتماق، يانجىماق، چەيلىمەك.

پايدا

  • پايدا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر كىشى ياكى نەرسىگە يېتىدىغان مەنپەئەت، نەپ:[يەشمىسى:] قىلىدىغان ئىش بولمىسا، ئۆيگە بېرىپ ئۆز ئىشىمىزنى قىلساق شۇ پايدا ئەمەسمۇ[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] ئىشلەپچىقىرىش، سودا-سېتىق ۋە تۈرلۈك تىجارەت يوللىرى ئارقىلىق كىرگۈزگەن كىرىمىدىن، تەننەرخى ياكى دەسمايىنى ۋە باجنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى ئاشقان سومما، نەپ:[يەشمىسى:] پايدا بەرمەك. پايدا چىقماق. پايدا قىلماق.

پايدا-زىيان

  • پايدا-زىيان[يەشمىسى:] پايدا ۋە زىيان:[يەشمىسى:] مەن بۇ يەردە پايدا-زىيان قوغلىشىۋاتمايمەن، خاتىرجەم بولۇڭ

پايدا-مەنپەئەت

  • پايدا-مەنپەئەت[يەشمىسى:] پايدا ۋە مەنپەئەت:[يەشمىسى:] پايدا-مەنپەئەت قوغلاشماق. پايدا-مەنپەئەتكە بېرىلمەك.

پايدىسىز

  • پايدىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پايدىسى، مەنپەئىتى يوق، پايدا چىقمايدىغان:[يەشمىسى:] قارىسىلا سىلىنىڭ ئەخمەقلىقلىرىنى، مۇشۇنداق بىر پايدىسىز ئىشقا شۇنچە كۆپ ئاۋارە بولدىلا دېدى ئايالى قاسىمغا نارازىلىق بىلەن.[يەشمىسى:] ② ئەھمىيەتسىز، زىيانلىق:[يەشمىسى:] پايدىسىز گەپ. * ئۇ ئەھۋالنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ گەپ قىلماي جىم تۇرۇۋالدى.

پايدىسىزلىق

  • پايدىسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پايدىسى، مەنپەئىتى يوقلۇق، پايدا چىقماسلىق.

پايدىكەش

  • پايدىكەش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] دائىم پايدا ئېلىش كويىدا بولىدىغان، ھايانكەش.

پايدىلاندۇرماق

  • پايدىلاندۇرماق[يەشمىسى:] «پايدىلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پايدىلانماق

  • پايدىلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئادەم، نەرسە ياكى ئىمكانىيەتتىن بەھرىمەن بولماق؛ ئۇنى ئۆز ئىشى، ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماق؛ ئىشلەتمەك:[يەشمىسى:] ۋاقىتتىن پايدىلانماق، كۈچىدىن پايدىلانماق.

پايدىلىق

  • پايدىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پايدىسى بار؛ پايدا، مەنپەئەت كەلتۈرىدىغان:[يەشمىسى:] پايدىلىق ئىش. پايدىلىق ئادەم.

پايدىلىنىشماق

  • پايدىلىنىشماق[يەشمىسى:] «پايدىلانماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[يەشمىسى:] ئابدۇۋېلى دادۈي ئىشخانىسىدا دادۈي كادىرلىرىغا شۇنداق دەپ ۋارقىراۋاتاتتى:[يەشمىسى:] ھەرقايسىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى كوللېكتىپنىڭ مال-مۈلكىدىن خالىغانچە پايدىلىنىشتىڭ، بولار ئەمدى، ئىنساپ قىلىش.

پايدىلىنىلماق

  • پايدىلىنىلماق[يەشمىسى:] «پايدىلانماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[يەشمىسى:] بۇ خەتتىكى بەزى مىسرالاردا ئەكس ئەتكەن پىكىرلەر شېرىننىڭ پەرھاتقا يازغان خېتىدىن پايدىلىنىلدى.

پايزا

  • پايزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يازدا چېچەكلەيدۇ. بوز يەرلەردە ئۆسىدۇ. ئېلىمىزگە ۋە شەرقى يېرىم شارنىڭ مۆتىدىل ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغلىرىدىكى رايونلارغا تارقالغان. چارۋىچىلىقتا ئوت-چۆپ قىلىنىدۇ.

پايسۇق

  • پايسۇق[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پوسۇققىدە، تۇيۇقسىز، تاسادىپىي.

پايسىندۇرماق

  • پايسىندۇرماق[يەشمىسى:] «پايسىنماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[يەشمىسى:] سەن كېلىپ ھە دېسىلا ئۇنىڭدىن بۇرۇن قول كۆتۈرۈۋېرىپ ئۇنى پايسىندۇرۇۋەتتىڭ.

پايسىنماق

  • پايسىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش-ھەرىكەت ياكى گەپ-سۆز قىلىشتىن رايى قايتماق:[يەشمىسى:] مەن بۇ ئىشنى قىلىشتىن سەل پايسىنىپ قالدىم.[يەشمىسى:] ② بەرداشلىق بېرەلمەسلىك، بوشاشماق.

پايسىنىشماق

  • پايسىنىشماق[يەشمىسى:] «پايسىنماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پايكا

  • پايكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مەخسۇس چىلىمدا تاماكا ساتقۇچى.

پايلاتماقⅠ

  • پايلاتماقⅠ[يەشمىسى:] «پايلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پايلاتماقⅡ

  • پايلاتماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يوشۇرۇن كۆزىتىشكە قويماق.

پايلاشماقⅠ

  • پايلاشماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چىدىماق، پايلىماق:[يەشمىسى:] ھېلىمۇ مۇشۇ تاغلار پايلاشتى-دە، بوۋاي ئېغىر خورسىنىپ قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.

پايلاشماقⅡ

  • پايلاشماقⅡ[يەشمىسى:] «پايلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[يەشمىسى:] دۈشمەنلەر يىراقتىن ئۇنى پايلاشماقتا ئىدى.

پايلاق

  • پايلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پايلاقچى تۇرىدىغان جاي؛ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى؛ قاماقخانا، تۈرمە.

پايلاقچى

  • پايلاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئادەم ۋە نەرسىنىڭ ئامانلىقىنى، بىخەتەرلىكىنى ساقلاشقا، كۆزىتىپ تۇرۇشقا قويۇلغان كىشى؛ كۆزەتچى، ساقچى:[يەشمىسى:] ۋەزىرنىڭ خوتۇنى ئىككى ياش قىزنى پايلاقچى قىلىپ قويۇپ ئۇلارغا ھېچكىمنى بۇ ئۆيگە كىرگۈزمەسلىكنى بۇيرۇدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر كىشىنىڭ ھەرىكىتىنى يوشۇرۇن كۆزىتىپ مەلۇم قىلىپ تۇرۇشقا قويۇلغان كىشى؛ خائىن، جاسۇس:[يەشمىسى:] ئۇ پايلاقچىدىن مۇھىم ئاخباراتنى قولغا چۈشۈرۈۋالغانلىقىغا تولىمۇ خۇشال ئىدى.

پايلاقچىلىق

  • پايلاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پايلاش ئىش-ھەرىكىتى:[يەشمىسى:] مەن ئەقلىمغە كەلگەندىن بۇيان ناسىر بەگنىڭ بوسۇغىسىدا پايلاقچىلىق قىلدىم.

پايلاقلىق

  • پايلاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئارقىسىغا پايلاقچى قويۇلغان، نەزەربەند قىلىنغان:[يەشمىسى:] مەن نەگە بارالايمەن، بوينۇم قىلدا باغلاقلىق. ھەربىر باسقان قەدىمىم، مىڭ كۆز بىلەن پايلاقلىق.

پايلىماقⅠ

  • پايلىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى سۆز-ھەرىكەتتە بەرداشلىق بەرمەك، سەۋر قىلماق، تاقەت قىلماق:[يەشمىسى:] بۇ بالىغا بىر ئاياغ جىق بولسا بىر ئاي پايلايدۇ.

پايلىماقⅡ

  • پايلىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يوشۇرۇن كۆزەتمەك، كۆز-قۇلاق بولماق، مارىماق؛ پېيىغا چۈشمەك:[يەشمىسى:] دۈشمەننى كۈندۈزى ئويلا، كېچىسى پايلا (ماقال).

پايمال

  • پايمال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] كۆپىنچە «قىلماق»، «قىلىنماق» پېئىللىرى بىلەن بىللە كېلىپ: «[يەشمىسى:] ① ئاياغ ئاستىدا بېسىلماق، يانجىلماق، چەيلەنمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاياغ ئاستى قىلماق، خورلىماق، دەپسەندە قىلماق» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[يەشمىسى:] پايمال قىلماق. پايمال قىلىنماق.

پايمۇپاي

  • پايمۇپاي[يەشمىسى:] ① بىر پاي، بىر پايدىن:[يەشمىسى:] پايمۇپاي ئاياغ.[يەشمىسى:] ② باشمۇباش:[يەشمىسى:] ئىسكەندەر ھارۋىسىنى ياسىننىڭ ھارۋىسىغا پايمۇپاي تېگىشتى.

پايناپ

  • پايناپ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇقىرى ئېقىن، سۇنىڭ بېشى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۇ تەستە چىقىدىغان، سۇغا قېرىق:[يەشمىسى:] بۇ پايناپراق يەر، مېنىڭ ئەمگەك كۈچۈم ئاز، شۇڭا مۇمكىن بولسا ماڭا سۇ ئىتتىكرەك چىقىدىغان يەردىن بەرسەڭلار، دەپ ئىلتىماس قىلدى رەقىبئاخۇن.

پاينەك

  • پاينەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① تۇخۇمنىڭ توم، يوغان تەرىپى (ئۇچىغا قارىمۇقارشى تەرىپى):[يەشمىسى:] سىيىت، مەشرەپكە كۆرەڭلەپ:[مىسال:] مۇشۇنداق تۇخۇمدىن ئىككى يۈزنىڭ ئۇچ-پاينىكىنى ئۇرۇۋالىمەن، دېسىمۇ قورقماي چېكىشىۋېرىمەن، دېدى.[يەشمىسى:] ② مىلتىق، ئاپتومات، قىلىچ قاتارلىق قوراللارنىڭ تۇتىدىغان سېپى، دەستىسى:[يەشمىسى:] جانبېك، كەلگەن پېتى مىلتىقنىڭ پاينىكى بىلەن ھېلىقى كىشىگە يامىشىۋاتقان بۆرىنىڭ بېشىغا بىرنى سالدى.[يەشمىسى:] ③ باشنىڭ چاچ ئۈنمىگەن ۋە چاچ چۈشۈپ كەتكەن غىلتاڭ قىسمى، پارقىراق چوققىسى:[يەشمىسى:] يىگىت ئۇنىڭ بېشىدىن دوپپىسىنى يۇلۇۋېلىپ، قىپقىزىل پاينەك چوققىسىغا شاپىلاقلىدى.

پاينەكسىز

  • پاينەكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاينىكى يوق، پاينەك ئورنىتىلمىغان:[يەشمىسى:] پاينەكسىزمۇ مىلتىق بولامدۇ

پاينەكلىك

  • پاينەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاينىكى بار، پاينەك ئورنىتىلغان:[يەشمىسى:] پاينەكلىك قوراللار.

پاينەكۋاش

  • پاينەكۋاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پاينەك+باش[[يەشمىسى:] بېشىغا چاچ ئۈنمىگەن، بېشىنىڭ چېچى چۈشۈپ كەتكەن، چېچى يوق، ئايپاڭۋاش، تاقىرۋاش:[يەشمىسى:] پاينەكۋاش بۇ ئادەمنىڭ ئىنتايىن ئاچچىقى يامان ئىدى.

پەپ

  • پەپ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① دودۇقلاپ سۆزلەش ھالىتى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دودۇقلاپ سۆزلەيدىيغان.

پەپەپلىمەك

  • پەپەپلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دودۇقلىماق، كېكەچلىمەك.

پەپىلەتمەك

  • پەپىلەتمەك[يەشمىسى:] «پەپىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پەپىلەشتۈرمەك

  • پەپىلەشتۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەر خىل كۆيۈنۈش، ئاسراش، قەدىرلەش چارىلىرىنى ئىشلەتمەك:[يەشمىسى:] بۇ بالىنى ئۈچ يىلدەك ئىنتايىن ئاسراپ، پەپىلەشتۈرۈپ يۈرۈپ ئاران قاتارغا قوشۇۋالدىم.

پەپىلەشمەك

  • پەپىلەشمەك[يەشمىسى:] «پەپىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پەپىلەنمەك

  • پەپىلەنمەك[يەشمىسى:] «پەپىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پەپىلىمەك

  • پەپىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆيۈنۈپ ئاسرىماق، تەربىيىلىمەك، قەدىرلىمەك:[يەشمىسى:] ئاتا-ئانام مېنى پەپىلەپ ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتۇپ ئادەم قىلدى.

پەتە

  • پەتە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۆلۈم ئۇزىتىلغان ئۆيدىكى ھازىدارلارنى يوقلاپ قايغۇ بىلدۈرۈش؛ تەسەللى:[يەشمىسى:] ئۆلۈم پەتىسىگە بارماق.[يەشمىسى:] ② ئۇرۇق-تۇغقان، ئەل-ئاغىنىلەرنى يوقلاپ قىلىنغان زىيارەت:[يەشمىسى:] پەتە قىلماق. * ئۇنىڭنەزىرىدە ئەتىسى ئەتىگەندە چوقۇم بۇ ئۆيگە پەتىگە كېلىشى كېرەك ئىدى.

پەتەك

  • پەتەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بويى ئۆسمىگەن؛ پاكار:[يەشمىسى:] مېھمانلار: ئوسمان بېگىم بۇ پەتەككە نېمانچە قىلىپ كېتىدىغاندۇ دەپ ھەيران قاپتۇ.

پەتەكبۇرۇن

  • پەتەكبۇرۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پەتەك+بۇرۇن[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] نەقىش گۈللىرىنىڭ ئارىلىقلىرىغا گەچ، لاي بېرىپ سىلىقلايدىغان ئەسۋاب.

پەتتە

  • پەتتە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قۇرۇلتاي، يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ مەيدىسىگە تاقايدىغان ۋەكىللىك بەلگىسى؛ لېنتا:[يەشمىسى:] مەيدىسىدىكى قىزىل پەتتە ئۇنىڭ تۇرقىغا، ھالىتىگە قىلچە ماسلاشمىغانىدى.[يەشمىسى:] ② ئەر-ئاياللارنىڭ تۇرمۇش قۇرغانلىقىنى، تويلىشىشىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھنامە؛ نىكاھ خېتى:[يەشمىسى:] پەتتە ئالماق. پەتتە يازماق.[يەشمىسى:] ③ سەللىنىڭ مۈرىگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان قىسمى؛ ئۇچى:[يەشمىسى:] ھاجى ئىشاننىڭ سۆزىنىڭ ئېغىر تەسىرى ئاستىدا، بېشىدىكى چوڭ سەللىسىنىڭ پەتتىسىنى مۈرىسىدىن ئارتىلدۇرۇپ مەيدىسىگە چۈشۈرگەن ھالدا ھېسامىدىن داموللا ئۆيىدىن چىقىپ كەلدى.

پەتتىسىز

  • پەتتىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەتتىسى يوق، پەتتە ئالمىغان:[يەشمىسى:] پەتتىسىز نىكاھلانماق.

پەتتىلىك

  • پەتتىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەتتىسى بار، پەتتە ئالغان:[يەشمىسى:] پەتتىلىك ئەر-خوتۇن.

پەتلە

  • پەتلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىم-كېچەكنىڭ تۈگمىلەيدىغان تۆشۈكى:[يەشمىسى:] پەتلە ئاچماق. پەتلە تورلىماق.

پەتلىسىز

  • پەتلىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەتلە چىقىرىلمىغان، پەتلە ئورنىتىلمىغان:[يەشمىسى:] پەتلىسىز چاپانغا قانداق تۈگمە قادىغىلى بولىدۇ

پەتلىلىك

  • پەتلىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەتلە چىقىرىلغان، پەتلە ئورنىتىلغان:[يەشمىسى:] پەتلىلىك تون. پەتلىلىك يەكتەك.

پەتنۇس

  • پەتنۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئۈستىگە چىنە-قاچا، قەنت-گېزەك قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى سېلىپ توشۇشقا ياكى داستىخانغا قويۇشقا ئىشلىتىلىدىغان تەخسە شەكىللىك مېتال بۇيۇم.

پەتىچى

  • پەتىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۆلۈم ئۇزىتىلغان ئۆيدىكى ھازىدارلارغا تەسەللى بېرىپ، يوقلاپ كەلگەن كىشى:[يەشمىسى:] موماي يىراق-يېقىندىن پەتىچىلەر كەلسە، ئىختىيارسىز ئىككى قولىنى بېلىگە تىرەپ، پىغان بىلەن قوشاق قېتىپ ھازا ئاچاتتى.[يەشمىسى:] ② ئادەتتە ھېيت-ئايەم، توي-مەرىكە مۇناسۋىتى بىلەن ئەل-ئاغىنە ۋە تونۇش-بىلىشلەرنى يوقلاپ كەلگەن كىشى:[يەشمىسى:] مەن بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگىنىمدىن باشلاپ مېنى تەبرىكلەپ كەلگەن پەتىچىلەر ئۈزۈلمىدى.

پەتىلەتمەك

  • پەتىلەتمەك[يەشمىسى:] «پەتىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[يەشمىسى:] ئايزىمخان قىزىنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە پەتىلەتكىلى ئېلىپ ماڭدى.

پەتىلەشمەك

  • پەتىلەشمەك[يەشمىسى:] «پەتىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[يەشمىسى:] ھېيت نامىزىدىن يانغان جامائەت ياقۇپ بوۋاينىڭ ئۆيىنى پەتىلەشتى.

پەتىلىمەك

  • پەتىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۆلۈم ئۇزىتىلغان ئۆيدىكى ھازىدارلارنى يوقلاپ، مەرھۇمغا قايغۇ بىلدۈرمەك؛ تەسەللى بەرمەك:[يەشمىسى:] جامائەت مەرھۇم ھاشىم ئاكىنى ياد ئېتىپ ئۇنىڭ ئائىلسىگە بېرىپ ئارقىمۇئارقا پەتىلىدى.[يەشمىسى:] ② ئادەتتە ھېيت-ئايەم، توي-مەرىكە مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇق-تۇغقان، ئەل-ئاغىنە، قولۇم-قوشنىلارنى يوقلىماق، زىيارەت قىلماق:[يەشمىسى:] كېلەر ئازنا كۈنى ئۆيدىكى ھەممەيلەن قىزنىڭ ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ بارىدىغان بولدى.

پەتىۋا

  • پەتىۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] بىرەر چىگىش، مۈشكۈل مەسىلىلەرگە قارىتا شەرىئەت ۋە قانۇنغا ئاساسەن دىنىي ئۆلىمالار تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان خۇلاسە؛ قارار، ھۆكۈم:[يەشمىسى:] پەتىۋا چىقارماق.

پەتىۋاچى

  • پەتىۋاچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەتىۋا چىقارغۇچى كىشى، مۇپتى:[يەشمىسى:] مەنسۇر بېگىم شۇئان ئادىل پەتىۋاچى يۇنۇس بەگ بىلەن بىللە سەككىز لەشكەرنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈپ كەتتى.

پەتىۋاچىلىق

  • پەتىۋاچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەتىۋا چىقىرىش، پەتىۋا يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى:[يەشمىسى:] پەتىۋاچىلىق قىلماق.

پەجمۇردە

  • پەجمۇردە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① غەمكىن، سۇلغۇن:[يەشمىسى:] پەجمۇردە بولغان بالا.[يەشمىسى:] ② تىتىلغان، زەخىملەنگەن، بۇزۇلغان:[يەشمىسى:] بۇنىڭغىمۇ شۈكۈر، تېرەڭدە كېلىشتۈرۈپ بىر جۇۋا كىيەي، پەجمۇردە قىلماي سويۇڭلار، دەپتۇ پادىشاھ.

پەچەك

  • پەچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پۇتىنىڭ تىزىدىن تۆۋەنكى قىسمىنى ئىككى يان تەرەپكە كېرىپ ماڭىدىغان كىشى.

پەچىم

  • پەچىم[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېرىق، چاك قاتارلىقلارنى قادايدىغان، ھىملاشتۇرىدىغان؛ چىڭىتىدىغان:[يەشمىسى:] پەچىم مىخ. پەچىم ياغاچ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىڭىغان، ھىملاشتۇرۇلغان ھالەت:[يەشمىسى:] ئاغزىنىڭ پەچىمى يوق.

پەچىملەتمەك

  • پەچىملەتمەك[يەشمىسى:] «پەچىملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پەچىملەشمەك

  • پەچىملەشمەك[يەشمىسى:] «پەچىملىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پەچىملەنمەك

  • پەچىملەنمەك[يەشمىسى:] «پەچىملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پەچىملىمەك

  • پەچىملىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ چاك، يېرىقىنى ئەتمەك، ھىملەشتۈرمەك، چىڭىتماق:[يەشمىسى:] ئاغزىنى پەچىملىمەك.[يەشمىسى:] ② بوش ئورۇن قويماي رەتلىك تىزماق:[يەشمىسى:] ئۇلار ماللارنى ئاپتوموبىلغا پەچىملەپ باستى.

پەخەس

  • پەخەس[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھوشيار، دىققەت، ئاگاھ:[يەشمىسى:] پەخەس بولماق.

پەخەسلىك

  • پەخەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھوشيارلىق:[يەشمىسى:] ئۇ چىشىنى چىشلەپ غەيرەتكە كەلدى، پەخەسلىك بىلەن پالتىنى قولىغا ئالدى.

پەخرىي

  • پەخرىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ھۆرمەت يۈزىسىدىن سايلانغان ياكى مەرتىۋىسى ساقلاپ قېلىنغان:[يەشمىسى:] پەخرىي رەئىس. پەخرىي ئەزا. پەخرىي ئۇنۋان.

پەخىر

  • پەخىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەمنۇنىيەتلىك ھېس-تۇيغۇ، مەمنۇنىيەت؛ غۇرۇر:[يەشمىسى:]

  • ئېھ شۇ كۈن جانلاندى چەكسىز دىيارىم،

  • كېچىلەپ كەلمىدى ئەلنىڭ ئۇيقۇسى.

  • ئېھ سېنى ئۆستۈرگەن ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ،

  • ئۇرغىدى قەلبىدىن پەخىر تۇيغۇسى.[يەشمىسى:] ② ماختىنىشقا، غۇرۇرلىنىشقا ئەرزىيدىغان ئادەم ۋە نەرسە، ئەڭ ياخشى نەمۇنە، نامايەندە؛ ئىپتىخار:[يەشمىسى:]

  • ئېلىپ پارتىيىدىن قۇۋۋەت،

  • ۋەتەندە تاپتى تەربىيەت،

  • جاھاندا تاپتى شان-شۆھرەت،

  • ۋەتەننىڭ پەخرى ئارمىيە.

پەخىرلەندۈرمەك

  • پەخىرلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «پەخىرلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پەخىرلەنمەك

  • پەخىرلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئادەم، نەرسە ياكى ئېرىشىلگەن مۇۋەپپەقىيەت تۈپەيلىدىن مەمنۇن بولماق، غۇرۇرلانماق، ماختانماق:[يەشمىسى:] شاھ پەرى ھاتەمنىڭ بۇ يەرگە ئۆزلۈكىدىن كېلىشىدىن چوڭقۇر پەخىرلەندى.

پەخىرلىك

  • پەخىرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھۆرمەت، شان-شەرەپ بېغىشلانغان، بەخش ئېتىلگەن، پەخىرلەنسە ئەرزىيدىغان؛ شەرەپلىك:[يەشمىسى:] مۇقام پىرى تۇردىئاخۇن ئاكىنىڭ پەخىرلىك نامى ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ

پەخىرلىنىشمەك

  • پەخىرلىنىشمەك[يەشمىسى:] «پەخىرلەنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پەدە

  • پەدە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① تۈرلۈك چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ دەستىسىدىكى تاۋۇش نوتىلىرىنى بەلگىلەيدىغان بوغۇملار:[يەشمىسى:] پەدە باسماق. پەدە باغلىماق.[يەشمىسى:] ② ئاھاڭ:[يەشمىسى:] تالىپ دۇتارنى باشقىدىن ساز قىلىپ شوخ پەدىلەرگە باشلىۋەتتى.

پەدەر

  • پەدەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① ئاتا، دادا.[يەشمىسى:] ② مۆتىۋەر، ئۇلۇغ، يېتەكچى كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن قوللىنىلىدىغان ھۆرمەت سۆزى:[يەشمىسى:]

  • بۇ يۇرتتا كۆپ ئەسىرلەر ئىلگىرى بولغان ھۈنەر پەيدا،

  • فارابى ھەم يۈسۈپ ئوخشاش ئۇلۇغ ئۇستاز، پەدەر پەيدا.

پەدىلىك

  • پەدىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەدىسى بار، پەدە باغلانغان:[يەشمىسى:] پەدىلىك چالغۇ ئەسۋاب.

پەرەز

  • پەرەز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسە ھەققىدە ئالدىنئالا قىلىنغان تەخمىنىي مۇلاھىزە؛ قىياس:[يەشمىسى:] مېنىڭ پەرىزىمچە، سىلە تونۇشتۇرغۇچى بولۇشنى رەت قىلغانلىرى بىلەن ئۇنى تونۇشتۇرغۇچىلار يەنە چىقىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] تېخى بىلىنمىگەن شەيئى ياكى قانۇنىيەت توغرىسىدا بار دەلىل-ماتېرىياللارغا ھەم ئىلىم-پەن قائىدىلىرىگە ئاساسلىنىپ قىياسەن قىلىنغان چۈشەندۈرۈش، تەسەۋۋۇر.

پەرەزىي

  • پەرەزىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] پەرەزگە ئاساسلانغان؛ تەخمىنىي، خىيالىي.

پەرەك

  • پەرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ ئارىسىدىكى كۆمۈرچەك سۆڭەك:[يەشمىسى:] نەجمىدىننىڭ بۇرۇن پەرەكلىرى كېرىلىپ، ئىنچىكە قارا بۇرۇتى قىمىرلاپ كەتتى.

پەرەڭ

  • پەرەڭ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] فرانسىيىلىك؛ فرانسۇز؛ غەربلىك:[يەشمىسى:] بوۋاي:[يەشمىسى:] بۇ مېھمانلار ئامېرىكىدىن كېلەمدۇ، پەرەڭدىن كېلەمدۇ بىزنىڭ كارىمىز يوق، لېكىن ئۇلار ئۇيغۇرنىڭ ناخشىنى قانداق پەيزى ئېيتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالسۇن دېدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] فرانسىيىدە، ياۋروپادا، غەربتە تەييارلانغان ياكى كەلتۈرۈلگەن:[يەشمىسى:] پەرەڭ مىلتىق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەرقانداق ئىش قولىدىن كېلىدىغان؛ چېۋەر، ماھىر، ئۇستا:[يەشمىسى:] ئۇ قولى گۈل، پەرەڭ ئادەم.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىپقىزىل، قېنىق قىزىل:[يەشمىسى:] پەرەڭ ياغلىق.

پەرەڭگۈل

  • پەرەڭگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پەرەڭ+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① تۈگمىگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ.[يەشمىسى:] ② مۇشۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

پەرەنجە

  • پەرەنجە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئازادلىقتىن ئىلگىرى ئاياللار باشقا ئەر كىشىلەرگە يۈزىنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن بېشىنى پۈركۈۋالىدىغان، تونسىمان ئۇزۇن يېپىنچا.

پەرەنجىلىك

  • پەرەنجىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەرەنجىسى بار، پەرەنجە يېپىنغان:[يەشمىسى:] پەرەنجىلىك ئايال.

پەربۇن

  • پەربۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ؛ ئىسسىقنى تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىپ ھەيزنى تەڭشەش؛ ئاشقازان، تاللارنىڭ پائالىيىتىنى كۈچەيتىش رولى بار.

پەرتⅠ

  • پەرتⅠ[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يەككە، يالغۇز؛ تەنھا:[يەشمىسى:] شەرتى كېتىپ، پەرتى قالدى (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] كلاسسىك لىرىكىدا بىر بېيىتتىن ئىبارەت كىچىك مۇستەقىل شېئىر.

پەرتⅡ

  • پەرتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قورقۇپ قېچىش ياكى بەزى رەختلەرنى يىرتىشتىن چىققان ئاۋاز:[يەشمىسى:] «پەرت» قىلىپ قاچماق. «پەرت» قىلىپ يىرتماق.

پەرتتىدە

  • پەرتتىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پەرت»قىلىپ:[مىسال:] ئايالى ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى-دە، كۆڭلىكىنى پەرتتىدە يىرتىپ ئىككى قىلىۋەتتى.

پەرتۇق

  • پەرتۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[«پەشتاما»غا قاراڭ:[يەشمىسى:] پەرتۇق تارتماق.

پەرتۇقلۇق

  • پەرتۇقلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەرتۇقى بار، پەرتۇق تارتقان:[يەشمىسى:] پەرتۇقلۇق دوختۇر. پەرتۇقلۇق چوكان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەرتۇق ئۈچۈن تەييارلانغان، پەرتۇق ئۈچۈن ئېلىنغان رەخت:[يەشمىسى:] پەرتۇقلۇق ئالماق.

پەرداز

  • پەرداز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ سىرتىنى بوياش، سىلىقلاش يوللىرى بىلەن چىرايلىق، كۆركەم قىلىش:[يەشمىسى:] پەرداز قىلماق. پەرداز بەرمەك. پەردىزى ياخشى بۇيۇم.[يەشمىسى:] ② ھۆسن تۈزەش ياكى سۈنئىي گۈزەللىك ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئوسما، خېنە، ئۇپا-ئەڭلىك سۈرتۈش ئىشى:[يەشمىسى:] ئۇ ئۆزى كىچىك بولسىمۇ داۋاملىق پەرداز قىلىپ يۈرىدىغان بالا بوپتۇ.[يەشمىسى:] ③ گىرىم ۋە شۇنداق زىبۇ زىننەتنىڭ ئۆزى:[يەشمىسى:] شەرىپە بۈگۈن ئۇنىڭدىن ھاراقتىن باشقا ئاياللارنىڭ پەرداز مېيىنىڭ پۇرىقىمۇ كېلىۋاتقىنىنى سېزىپ گۇمانلاندى.

پەردازچى

  • پەردازچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەردازغا بېرىلگەن، پەرداز قىلىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان؛ پەردازخور، ياسانچۇق:[يەشمىسى:] پەردازچى خوتۇن.

پەردازچىلىق

  • پەردازچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەرداز قىلىش يەنى ھەر خىل يوللار بىلەن چىرايلىق، كۆركەم، گۈزەللەشتۈرۈش پائالىيىتى.

پەردازخور

  • پەردازخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] داۋاملىق پەرداز قىلىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن:[يەشمىسى:] پەردازخور ئايال.

پەردازخورلۇق

  • پەردازخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەرداز قىلىشقا ئامراقلىق:[يەشمىسى:] لۇتپۇللا ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىلا شەكىلۋازلىق، پەردازخورلۇقتىن خالىي ئىدى.

پەردازسىز

  • پەردازسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەردىزى يوق، پەرداز قىلىنمىغان:[يەشمىسى:] ئاناڭنى داداڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە (ماقال).

پەردازلاتماق

  • پەردازلاتماق[يەشمىسى:] «پەردازلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[يەشمىسى:] ئۇ تويدا كىيىدىغان ئاياغ كىيىمىنى پەردازلىتىپ تەييارلىدى.

پەردازلاشماق

  • پەردازلاشماق[يەشمىسى:] «پەردازلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پەردازلانماق

  • پەردازلانماق[يەشمىسى:] ① «پەردازلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[يەشمىسى:]

  • شۇڭا جاپا تارتىپ ئەينەك ئالدىدا،

  • پەردازلىنىپ، تارانماقتا بۇ خانىم.

  • ئۆچەي دېگەن ئۈمىدلىرى تۇتىشىپ،

  • كۆڭۈل قويۇپ ياسانماقتا بۇ خانىم.[يەشمىسى:] ② «پەردازلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[يەشمىسى:] تۇماق پەردازلاندى.

پەردازلىق

  • پەردازلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەرداز قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان:[يەشمىسى:] پەردازلىق بۇيۇم.

پەردازلىماق

  • پەردازلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پەرداز بەرمەك، گىرىم قىلماق، چىرايلىق قىلماق:[يەشمىسى:] مەلىكە بۇ قېتىمقى زىياپەت ئۈچۈن غىزا تەييارلاپ، كىيىم يەڭگۈشلەپ ئۆزىنى باشقا بىر خىل پەردازلاپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناچار تەرىپىنىمۇ ياخشى دېمەك:[يەشمىسى:] مەن ئىمكانلا تېپىلسا ئۇلارنى يوق ئۇتۇقلار بىلەن پەردازلاپ بولۇشىچە ماختىدىم.

پەردە

  • پەردە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① دېرىزە، ئىشىك، سەھنە قاتارلىقلارغا زىننەت بېرىش ياكى توسۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان رەخت:[يەشمىسى:] دۇخاۋا پەردە. چىت پەردە. پەردە ئاچماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىزمدا ئايرىم ئورگانلارنى قاپلاپ، ئوراپ ياكى بىر-بىرىدىن ئاجرىتىپ تۇرىدىغان نېپىز شىللىق نەرسە؛ يۇپقا توقۇلما:[يەشمىسى:] قىزلىق پەردىسى. قۇلاق پەردىسى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>تىياتىر<[يەشمىسى:] سەھنە ئەسىرىنىڭ، فىلىمنىڭ مۇستەقىل ۋەقەلىكتىن ئىبارەت بولغان تولۇق بىر قىسمى:[يەشمىسى:] بۇ دراما ئۈچ پەردە، ئىككى كۆرۈنۈشلۈك ئىكەن.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاتا-بالا ۋە چوڭ-كىچىكلەر ئارا قىلىنىدىغان ھايا:[يەشمىسى:] پەردە ساقلىماق.

پەردىسىمان

  • پەردىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەردىگە ئوخشايدىغان، پەردە شەكىللىك.

پەردىشەپ

  • پەردىشەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① تۈن قاراڭغۇسى.[يەشمىسى:] ② تۇرمۇشتا بىر-بىرىدىن ھايا قىلىدىغان، ئۆزئارا شەخسىيىتىگە تەئەللۇق ئىش ۋە قىلىقلار:[يەشمىسى:] قاسىمجان بىلەن ئۇزۇندىن بېرى بىر يەردە ئىشلەپ كېلىۋاتىمىز، ئارىمىزدا ئاز-تولا پەردىشەپمۇ بار.

پەردىشەپسىز

  • پەردىشەپسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەردىشەپ يوق، پەردىشەپ كۆتۈرۈلگەن، بىر-بىرىدىن ھايا قىلىشمايدىغان:[يەشمىسى:] پەردىشەپسىز مۇناسىۋەت.

پەردىشەپلىك

  • پەردىشەپلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەردىشەپ ساقلانغان، ھايالىق:[يەشمىسى:] پەردىشەپلىك مۇئامىلە.

پەردىلەشمەك

  • پەردىلەشمەك[يەشمىسى:] ① «پەردىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② توسۇۋالىدىغان پەردە ھاسىل بولماق، شەكىللەنمەك:[يەشمىسى:] ھېلىقى كىشىنىڭ كۆزى پەردىلىشىپ، كەچتە كۆرەلمەس بولۇپ قالغانىكەن.

پەردىلەنمەك

  • پەردىلەنمەك[يەشمىسى:] «پەردىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پەردىلىك

  • پەردىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پەردىسى بار، پەردە تۇتۇلغان:[يەشمىسى:] پەردىلىك ئۆي.[يەشمىسى:] ② ئورگانىك پەردىگە ئىگە بولغان، پەردە بىلەن قاپلانغان:[يەشمىسى:] ئۆردەك ۋە غاز قاتارلىق قۇشلار سۇ ئۈزگەندە پەردىلىك پەنجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>تىياتىر<[يەشمىسى:] قىسىمغا ئاجرىتىلغان، بۆلەكلەرگە ئايرىلغان، پەردىلەرگە بۆلۈنگەن:[يەشمىسى:] ئۈچ پەردىلىك دراما.[يەشمىسى:] ④ پەردە ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان:[يەشمىسى:] پەردىلىك رەخت. پەردىلىك دۇخاۋا.

پەردىلىمەك

  • پەردىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پەردە بىلەن توسماق، پەردە تارتماق، پەردە تۇتماق:[يەشمىسى:] دېرىزىنى پەردىلىمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلىمەي، يوشۇرۇن خۇپىيانىلىك بىلەن بىلدۈرمەك؛ نىقابلىماق:[يەشمىسى:] ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئىرادىنىڭ سىنىپىي ماھىيىتىنى پەردىلەشتىن ئىبارەت.

پەرز

  • پەرز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئاللانىڭ بەندىلەرنىڭ ئادا قىلىشىغا ۋە ساقلىنىشىغا بۇيرۇغان ۋەزىپىلىرى:[يەشمىسى:] پەرزنى ئادا قىلماق.[يەشمىسى:] ② چوقۇم ئورۇنداش زۆرۈر بولغان ۋەزىپە؛ مەجبۇرىيەت:[يەشمىسى:] پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيىلەش، ئۆي-ئوچاقلىق قىلىش ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن پەرز.

پەرزەنت

  • پەرزەنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئاتا-ئانىغا نىسبەتەن ئوغۇل ياكى قىز بالا؛ ئەۋلاد:[يەشمىسى:] پەرزەنت كۆرمەك. پەرزەنتكە تەشنا بولماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆز ۋەتىنى ياكى خەلقىگە مەنپەئەت كەلتۈرىدىغان، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغان كىشى:[يەشمىسى:] خەلق پەرزەنتى. ∥ پەرزەنت قوشۇن.

پەرزەنتسىز

  • پەرزەنتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەرزەنتى يوق؛ بالىسىز:[يەشمىسى:] پەرزەنتسىز ئائىلە. پەرزەنتسىز ئەر-خوتۇن.

پەرزەنتسىزلىك

  • پەرزەنتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بالىسىزلىق:[يەشمىسى:] ئۇ ئۆزىنىڭ پەرزەنتسىزلىكىنى ئويلاپ ئىچى پۇشۇپ خاپا بوپتۇ.

پەرزەنتلىك

  • پەرزەنتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پەرزەنتى بار، پەرزەنت كۆرگەن:[يەشمىسى:] پەرزەنتلىك ئايال. پەرزەنتلىك ئائىلە.[يەشمىسى:] ② پەرزەنتتە بولىدىغان، پەرزەنتتە بولۇشقا تېگىشلىك:[يەشمىسى:] پەرزەنتلىك بۇرچ. پەرزەنتلىك مەجبۇرىيەت.

پەرزىن

  • پەرزىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] شاھمات ئويۇنىدا ئەڭ كۈچلۈك ئۇرۇق يەنى ۋەزىرنى كۆرسىتىدىغان ئۇرۇق.

پەرق

  • پەرق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىش-ھەرىكەت، نەرسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشماسلىق، ئۆزگىچىلىكنى ئايرىپ تۇرىدىغان بەلگە، ئايرىما:[يەشمىسى:] پەرق قىلماق. پەرق ئەتمەك. * پەرق پەقەت بىلىۋېلىنغان نەرسىلەر بىلەن بىلىۋېلىنمىغان نەرسە ئوتتۇرىسىدىلا مەۋجۇت.

پەرق-تاپاۋەت

  • پەرق-تاپاۋەت[يەشمىسى:] پايدا-زىيان:[يەشمىسى:] بۇ ئىشتا بىز ئۈچۈن پەرق-تاپاۋەت ئانچە كۆپ ئەمەس.

پەرقسىز

  • پەرقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەرقى يوق، پەرقلەنمەيدىغان:[يەشمىسى:]

  • دەھشەت باسقان تۈرمىدە مەن بىگۇناھ ئەركسىز،

  • دېسەم شۇ ئان راستىنى: «ئىككى دۇنيا پەرقسىز».

پەرقسىزلىق

  • پەرقسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەرقى يوق، پەرقلەنمەيدىغان ھالەت.

پەرقلەندۈرمەك

  • پەرقلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «پەرقلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[يەشمىسى:] ئۇنىڭ چىرايىدىكى بىر خىل ئۆزگىچە ئايرىمىچىلىق ئۇنى ئۆيدىكىلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇراتتى.

پەرقلەندۈرۈشمەك

  • پەرقلەندۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «پەرقلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پەرقلەندۈرۈلمەك

  • پەرقلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «پەرقلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[يەشمىسى:] ئىش ئۈنۈمىنىڭ بىرقەدەر ياخشى بولۇشى ئۈچۈن خىزمەت بىلەن دەم ئېلىش ۋاقتى ئەھۋالغا قاراپ پەرقلەندۈرۈلسە بولىدۇ.

پەرقلەنمەك

  • پەرقلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسە ئىككىنچى بىرنەرسىدىن ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىك، خۇسۇسىيىتى ۋە ئوخشىماسلىقى بىلەن ئايرىلىپ تۇرماق:[يەشمىسى:] شەھەردىن يىراق بولغان بۇ يېزا ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ئەتراپتىكى باشقا يېزىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.

پەرقلىق

  • پەرقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەرقى بار، پەرقلىنىپ تۇرىدىغان:[يەشمىسى:] پەرقلىق مۇئامىلە قىلماق. پەرقلىق داۋالىماق.

پەركاⅠ

  • پەركاⅠ[يەشمىسى:] [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۆز توقۇش دۇكىنىدىكى ئىككى بېشى ئىككى تىك ئاچا ياغاچقا مىندۈرۈلگەن ئىككى جەينەك ئارقىلىق دەپتىنگە چېتىلغان، پۇت ئۈستىكىدىكى تاشنىڭ بېسىمىدىن جەينەك دەپتىننى كەينىگە ئىتتىرىپ تۇرىدىغان ھەرىكەتلىك چاتما ياغاچ.

پەركاⅡ

  • پەركاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاغزى تار ئىدىشلارغا سۇيۇقلۇق قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كونۇس شەكىللىك نەيچە.

پەرلەتمەك

  • پەرلەتمەك[يەشمىسى:] «پەرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[يەشمىسى:] پەرىدەم چاپىنىنىڭ پەۋىزىنى ئاپىسىغا قايتىدىن پەرلەتتى.

پەرلەشمەك

  • پەرلەشمەك[يەشمىسى:] «پەرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[يەشمىسى:] مىللىي كىيىم-كېچەك كارخانىسىدىكى ئۇستىلار ھېيتلىق تەييارلىغان كىيىم-كېچەكلەرنى قولمۇقول پەرلەشمەكتە ئىدى.

پەرلىگۈچ

  • پەرلىگۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارا چىراغنىڭ پىلىكىنى چىقىرىش ئۈچۈن ياسالغان نەرسە؛ بۇ كۆپىنچە سۆڭەكتىن ياسىلىدۇ.

پەرلەنمەك

  • پەرلەنمەك[يەشمىسى:] «پەرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پەرلىمەك

  • پەرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① چىراغنىڭ پىلىكىنى چىقارماق؛ پىلىكنىڭ كۆيگەن قالدۇقىنى چۈشۈرۈپ ئۇچلىماق:[يەشمىسى:]

  • چىراغلار ئۆچەي دەپتۇ،

  • پەرلەپ قويسا كۆيەرمۇ،

  • بىزنىڭ يارلار كەلمەپتۇ،

  • چىللاپ قويسا كېلەرمۇ.[يەشمىسى:] ② قۇشلار تۇمشۇقى بىلەن قانات ۋە باشقا ئەزالىرىنى تارىماق:[يەشمىسى:]

  • يوپۇرماقلار سارغايسا،

  • سوغۇق يامغۇر تامچىلاپ،

  • قانىتىڭنى پەرلىدىڭ،

  • قارلىغىچىم ئالدىراپ.[يەشمىسى:] ③ كىيىم-كېچەك، داستىخان، ياغلىققا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ چۆرىسىنى پۈكمەك؛ تىكمەك، تورلىماق:[يەشمىسى:]

  • كۆڭلىكىڭ ياقىسىنى،

  • سىم يىپ بىلەن پەرلىگەن.

  • تاڭ ئاتقۇچە ئىشقىلىپ،

  • چاق ئېگىرىپ يەملىگەن.

پەرمان

  • پەرمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ھاكىمىيەت ئورگانلىرى ئېلان قىلغان بۇيرۇق، يوليورۇق، قارار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەت:[يەشمىسى:] ئۇ بۇ پەرماننى ئاڭلاپ، شەھەر سىرتىغا چىقىپ بىر چوڭ تاغنىڭ ئۈستىدە ماراپ تۇردى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىشنى ئورۇنلاش ھەققىدىكى بۇيرۇق، ئۇقتۇرۇش:[يەشمىسى:] ئاتىسىنىڭ پەرمانىغا قۇلاق سالمىغان بالىنى بالا دېگىلى بولامدۇ دېدى سالى قاسساپ.

پەرمانبەردار

  • پەرمانبەردار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزى ، پەتتە ئالغان:[يەشمىسى:] يەشمىسى: پەتتىلىك ئەر-خوتتۇرىدىغان؛ ئىتائەتمەن:[يەشمىسى:] پەرمانبەردار بولماق.

پەرمانبەردارلىق

  • پەرمانبەردارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇيرۇققا ھەمىشە تەييار تۇرۇش، ئىتائەتمەنلىك:[يەشمىسى:] -گۆر ئوغلى سىلەرگە ھەرقانداق پەرمان قىلسا، بەجانىدىل پەرمانبەردارلىق قىلىڭلار-دېدى ئۇ.

پەرمانچى

  • پەرمانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەرماننى باشقىلارغا يەتكۈزگۈچى؛ جاكارلىغۇچى.

پەرمانسىز

  • پەرمانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەرمان قىلىنمىغان، پەرمان بېرىلمىگەن:[يەشمىسى:] پەرمانسىز قالماق.

پەرمۇدە

  • پەرمۇدە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] خېمىرى تۇخۇم بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بولدۇرۇلىدىغان، قىيمىسىغا دورا-دەرمەكلەر ئارىلاشتۇرۇلىدىغان بىر خىل سامسا، مانتىغا ئوخشاش تۈگۈلىدۇ.

پەرمۇدىچى

  • پەرمۇدىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەرمۇدە پىشۇرۇش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇلانغۇچى.

پەرمۇدىچىلىك

  • پەرمۇدىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەرمۇدە پىشۇرۇش ۋە سېتىش ئىشى، كەسپى:[يەشمىسى:] دادام ئون بەش يىلدىن بېرى پەرمۇدىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

پەرمۇق

  • پەرمۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چىنىگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇ تاغلىق جايلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.

پەرھىز

  • پەرھىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغان، زىيان قىلىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى يېيىش-ئىچىشتىن ساقلىنىش ۋە ۋاقتىنچە ئۆزىنى تارتىش:[يەشمىسى:] پەرھىز تۇتماق. پەرھىز قىلماق. * بۇرۇن پەرھىز قائىدىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان بىر ئادەم ئۆتكەنىكەن.

پەرھىزسىز

  • پەرھىزسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەرھىز قىلماي، پەرھىز تۇتماي:[يەشمىسى:] تاماقنى پەرھىزسىز يەۋەرمەك.

پەرھىزكار

  • پەرھىزكار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] نەپسىنى يىغقۇچى، تەقۋادار:[يەشمىسى:] دادام پەرھىزكار، پاك كىشىلەردىن ئىدى.

پەرھىزكارلىق

  • پەرھىزكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەرھىز تۇتۇش:[يەشمىسى:] ئەي ئوغۇل، ئەيش-ئىشرەتلىرىگە ھەۋەس قىلما. قېرىغاندا پەرھىزكارلىقنى ئاشۇرغىن.

پەرھىزلىك

  • پەرھىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەرھىز قىلغان، پەرھىز تۇتقان:[يەشمىسى:] ئادىل بۈگۈن پەرھىزلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، زادىلا تاماققا ئېغىز تەگكىلى ئۇنىمىدى.

پەرۋا

  • پەرۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئادەم ۋە نەرسىلەرگە بولغان دىققەت-ئېتىبار؛ قىزىقىش، كۆز سېلىش:[يەشمىسى:] پەرۋا قىلماسلىق.

پەرۋاز

  • پەرۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قانات كېرىپ ھەرىكەت قىلىش، ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈش؛ ئۇچۇش:[يەشمىسى:] پەرۋاز قىلماق. * ئاڭلىنىدۇ ئاشۇ خاڭدىن ناخشا ئاۋازى، ناخشىكى ئىشچىلارنىڭ ھايات پەرۋازى.

پەرۋاسىز

  • پەرۋاسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەرۋا قىلمايدىغان، ئېتىبار بەرمەيدىغان:[يەشمىسى:] پەرۋاسىز نەزەر تاشلىماق.

پەرۋاسىزلىق

  • پەرۋاسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەرۋا قىلماسلىق، ئېتىبار بەرمەسلىك:[يەشمىسى:] پەرۋاسىزلىق قىلماق.

پەرۋانە

  • پەرۋانە[يەشمىسى:] [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. بۇنىڭ كۆپ تۈردىكىلىرى دېھقانچىلىققا زىيان سالىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەھلىيا، ئاشىق؛ مەپتۇن:[يەشمىسى:] -قىزىم، سېنىڭ ئىشقىڭدا كۆيگەن يەنە بىر پەرۋانە سېنى ئىزدەپ كەپتۇ.

پەرۋەردىگار

  • پەرۋەردىگار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] بارلىقنى ياراتقۇچى؛ خۇدا.

پەرۋىش

  • پەرۋىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئاسراش، ئۆستۈرۈش، ۋايىغا يەتكۈزۈش مەقسىتىدە قىلىنىدىغان ھەرىكەت؛ قاراش، بېقىش، تەربىيە:[يەشمىسى:] پەرۋىش قىلماق.

پەرۋىشچى

  • پەرۋىشچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەرۋىش قىلغۇچى، ئۆستۈرگۈچى، تەربىيىلىگۈچى كىشى.

پەرۋىشسىز

  • پەرۋىشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەرۋىش قىلىنمىغان، تەربىيىسىز؛ بېقىش تاپمىغان، ئاسرالمىغان: قورۇدىكى پېشايۋانغا تولۇپ تۇرغان تال باراڭلار پەرۋىشسىز تاشلىنىپ قالغاچ، بۇ قورۇ ۋەيرانە جايغا ئوخشاپ قالغانىدى.

پەرۋىشكار

  • پەرۋىشكار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پەرۋىش قىلىدىغان، تەربىيىلەيدىغان، ئاسرايدىغان:[يەشمىسى:] پەرۋىشكار باغۋەن.

پەرۋىشلىمەك

  • پەرۋىشلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پەرۋىش قىلماق.

پەرى

  • پەرى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئەپسانىلاردىكى ئىنتايىن گۈزەل قىز قىياپەتلىك، پەرىشتىلەرگە ئوخشىتىلغان ئايال.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىنتايىن گۈزەل، ساھىبجامال قىز؛ نازىنىن:[يەشمىسى:] قىز ھېيتلىق كىيىملەر بىلەن تېخىمۇ ئېچىلىپ پەرىلەردەك بولۇپ كەتكەنىدى.

پەرىجە

  • پەرىجە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياقىسى ئويۇپ چىقىرىلغان، تۈگمە بېكىتمەيدىغان، ئىچ يانچۇقلۇق ئۇزۇن چاپان؛ تون.

پەرىجىلىك

  • پەرىجىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پەرىجىسى بار، پەرىجە كىيگەن؛ تونلۇق:[يەشمىسى:] شىرمەممەت سەللە پەرىجىلىك بۇ ئەربابقا ھېچبىر قىزىقمىدى.[يەشمىسى:] ② پەرىجە تىكتۈرۈش ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان؛ پەرىجىگە ئاتاپ تەييارلانغان:[يەشمىسى:] پەرىجىلىك رەخت سېتىۋالماق.

پەرىزات

  • پەرىزات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① پەرى نەسلىدىن تۆرەلگەن ئايال؛ پەرىلەر ئەۋلادى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خوتۇن-قىزلار ئىچىدىكى ئەڭ چىرايلىق، گۈزەل قىز:[يەشمىسى:] ئۇ بىر پەرىزات ئىدى.

پەرىشان

  • پەرىشان[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەر تەرەپكە چېچىلغان، بىسەرەمجان، تەرتىپسىز:[يەشمىسى:] لەيلىگۈل دۈشمەنلەرنىڭ ياردەمسىز، پەرىشان ۋەزىيىتىدىن پايدىلانماقچى بولدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پىكىر-خىيالى، دىققەت-ئېتىبارى (زېھنى) بىر نۇقتىغا مەركەزلەشمىگەن، ھەر تەرەپكە بۆلۈنگەن، چېچىلغان، يىغىنچاق ئەمەس، تارقاق:[يەشمىسى:] ئەتە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇم بىلەن خوشلىشىدىغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن نېمىشقىدۇر كۆڭلۈم پەرىشان ئىدى.

پەرىشانلىق

  • پەرىشانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەرىشان ھالەت:[يەشمىسى:] تومۇزغىنىڭ ۋە كۇركىرىغان پاقىلارنىڭ ئاۋازى داۋۋۇتنىڭ پەرىشانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.

پەرىشتە

  • پەرىشتە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① دىنىي چۈشەنچە بويىچە ئاللانىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان، جەننەت ۋە دوزاخنى باشقۇرىدىغان، قاناتلىق، غەيرىي تەبىئىي مەخلۇق؛ مالائىكە.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ياخشى خۇلق-مىجەز، ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولغان ۋە گۈزەللىكتە كامالەتكە يەتكەن كىشى.

پەرياد

  • پەرياد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دۇچ كەلگەن قاتتىق خاپىلىق، دەرد-ئەلەم، روھىي ئازاب تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان نالە-زار؛ يىغا:[يەشمىسى:] پەرياد چەكمەك، . پەرياد قىلماق.

پەزا

  • پەزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① كەڭ ماكان؛ بىپايان زېمىن:[يەشمىسى:]

  • بۇ سۆز گوياكى سىگنالدەك جاراڭلايدۇ پەزا بويلاپ.

  • كوماندىر قەلبى دولقۇنلاپ، تولار كۈچكە ئۇنى ئويلاپ.[يەشمىسى:] ② ھەممە تەرىپى چەكسىز كەتكەن بوشلۇق، ئاسمان، كائىنات:[يەشمىسى:]

  • قۇياش بار ئىكەن كۆكتە ئەزەلدىن،

  • ئۆتۈپتۇ ئالدىن ساناقسىز ئەسىر،

  • قىلىپتۇ ئۇ ئالەمنىڭ سۇلتانى بولۇپ،

  • قىلىپ كەڭ پەزانى مۇقەددەس قەسىر.

پەزل

  • پەزل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئىجابىي خىسلەت؛ ئېسىل ئەخلاق، پەزىلەت.

پەزلەنمەك

  • پەزلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا، سەپەرگە جابدۇنماق؛ تەمشەلمەك، تەييارلانماق.

پەزىلەت

  • پەزىلەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشىلەردە بولىدىغان ئىجابىي خىسلەت، ياخشى سۈپەت، ياخشى خۇسۇسىيەت:[يەشمىسى:] تۇز ھەققىنى ئاقلىماق ئىنساننىڭ ئالىي پەزىلىتىدۇر.[يەشمىسى:] ② ئاياللار ئىسمى.

پەزىلەتسىز

  • پەزىلەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەزىلىتى يوق، پەزىلەتتىن مەھرۇم بولغان:[يەشمىسى:]

  • قاراپ باقساڭ خېرىدار يوق ئالۇرغا ئەمدى سۆلەتنى،

  • پەزىلەتسىز تاپالمايسەن ئانا يۇرتۇڭغا شۆھرەتنى.

پەزىلەتلىك

  • پەزىلەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەزىلىتى بار، ياخشى، ئىجابىي خىسلەتكە ئىگە:[يەشمىسى:] پەزىلەتلىك ئادەم. پەزىلەتلىك ئايال.

پەس

  • پەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئېگىزلىك ياكى مەلۇم. تەكشىلىككە نىسبەتەن تۆۋەن:[يەشمىسى:] پەس تام، پەس دەرەخ.[يەشمىسى:] ② بويى ئۆسمىگەن، پاكىنەك، پاكار (ئادەملەرگە نىسبەتەن):[يەشمىسى:]

  • ئېگىلدىڭ تولىمۇ بۇرادەر-دوستۇم،

  • تېخىمۇ پەسلىدى سېنىڭ پەس بويۇڭ.

  • ئېگىلىش ئارقىلىق بىرەر مەنسەپكە،

  • ئېرىشىش ئىكەنغۇ نىيىتىڭ، ئويۇڭ.[يەشمىسى:] ③ كۈچسىز، بوش، تۆۋەن (تاۋۇش، ئاۋاز ھەققىدە):[يەشمىسى:] -بۇ مۇھەببەتمىكىن دەپ پەس ئاۋازدا ئۆز-ئۆزىگە سوئال قويدى تەلئەت.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئادەمگەرچىلىكنى يوقاتقان، ھەرقانداق ئەسكىلىكتىن يانمايدىغان؛ يۈزسىز، رەسۋا:[يەشمىسى:] پەس ئادەم. پەس قىلىق.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قەدىرسىز، خار:[يەشمىسى:] قەست قىلغاننى پەس قىل (ماقال).[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سىنىپىي جەمئىيەتتە، يۇقىرى تەبىقىنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئەسلىي زاتى يۇقىرى بولمىغان (كەمسىتىش مەنىسىدە):[يەشمىسى:] تېگى پەس. نەسلى پەس.

پەسەندە

  • پەسەندە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پەس، ئىپلاس، رەزىل مەنىسىىدىكى تىل-ھاقارەت سۆزى:[يەشمىسى:]

  • گېزەندىلەر قۇرتلاپ، چېكەتكىلەر كۆپەيدى،

  • ھارام تاماق تىرىكتاپ پەسەندىلەر كۆپەيدى.

پەسەندىلىك

  • پەسەندىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەسلىك، ئىپلاسلىق، رەزىللىك:[يەشمىسى:] ئۇنىڭ بۇ قىلمىشلىرى پەسەندىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

پەسەيتمەك

  • پەسەيتمەك[يەشمىسى:] «پەسەيمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[يەشمىسى:] ئاۋازىنى پەسەيتمەك.

پەسەيتىلمەك

  • پەسەيتىلمەك[يەشمىسى:] «پەسەيتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پەسەيمەك

  • پەسەيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر تەكشىلىك ياكى تۆپىلىككە نىسبەتەن تۆۋەنلىمەك:[يەشمىسى:] بۈگۈن يەر بىرئاز ئۆسۈپ قالغانمۇ ياكى تورۇس سەل پەسەيگەنمۇ نېمە دەپ سوراپتۇ ئىبنىسىنا ساۋاقدىشىدىن.[يەشمىسى:] ② بىرەر ۋەقە، ھادىسە ياكى ئادەم روھىي ھالىتىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىمەك، كۈچسىزلەنمەك، كېمەيمەك، سۇسلىماق:[مىسال:] بوران توختاپ، دولقۇن پەسەيگەندە ئارالدىكى خەلق خۇشال تەنتەنە قىلىشىپتۇ.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] تاۋۇش، نوتىنىڭ رىتىم قائىدىسى بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئاستىلاپ بارماق؛ تۆۋەنلىمەك (ئاۋاز، ئاھاڭ ھەققىدە):[مىسال:] بىر پەس جىم ئولتۇرغاندىن كېيىن كۆكۈيۈن يەنە گەپ باشلىدى ۋە سۆزلىگەنسېرى ئاۋازى پەسىيىپ باردى.

پەستەۋەت

  • پەستەۋەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] نومۇسسىزلىقتا ئۇچىغا چىققان؛ پەسكەش، ئىپلاس.

پەسكەش

  • پەسكەش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىززەت-ھۆرمىتىنى، نومۇسىنى تۆكىدىغان، نەزىرى پەس، رەزىل، ئىپلاس:[يەشمىسى:] پەسكەش ئادەم.

پەسكەشلەشمەك

  • پەسكەشلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نومۇسسىز، پەسكەش قىلىقلار بىلەن شۇغۇللانماق؛ رەزىللەشمەك:[يەشمىسى:] جەمئىيىتىمىزدە بەزى كىشىلەر شەخسىي مەنپەئەت يولىدا تولىمۇ پەسكەشلىشىپ كەتتى.

پەسكەشلىك

  • پەسكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رەزىللىك، ئىپلاسلىق:[يەشمىسى:] مەن ھەممىنى چۈشەندىم، لېكىن جەننەتخاننى بۇنداق پەسكەشلىك قىلار دەپ ئويلىمىغانىدىم.

پەسكوي

  • پەسكوي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپىنچە «پەسكويغا چۈشمەك» پورمىسىدا كېلىپ، بىرەر ۋەقە، ھادىسە، ئىش-ھەرىكەت ياكى ئادەم روھىي ھالىتىدىكى جىددىيلىك نورماللاشماق، ئەسلىگە كەلمەك دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[يەشمىسى:] بىر مەيدان قىسقىلا ئېلىشىشتىن كېيىن، يىغىن تەرتىپى ئەسلىگە كەلدى، ھېلىقى «باشلىق» مۇ پەسكويغا چۈشتى.

پەسلەتمەك

  • پەسلەتمەك[يەشمىسى:] «پەسلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[يەشمىسى:] ئايروپىلاننى پەسلەتمەك.

پەسلەشتۈرمەك

  • پەسلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «پەسلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[يەشمىسى:] بەزى ھاللاردا چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن چاقچاقمۇ كىشىنىڭ ئۆز قىممىتىنى پەسلەشتۈرىدۇ، خالاس.

پەسلەشتۈرۈشمەك

  • پەسلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «پەسلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پەسلەشتۈرۈلمەك

  • پەسلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «پەسلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پەسلەشمەك

  • پەسلەشمەك[يەشمىسى:] ① «پەسلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[يەشمىسى:] چارلىغۇچى ئايروپىلانلىرىمىز دۈشمەن ئىستىھكاملىرىنى بومباردىمان قىلىشقا تېز سۈرئەت بىلەن پەسلەشتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] رەزىللەشمەك، رەسۋالاشماق:[يەشمىسى:] ۋاي بالام دېدى ئانىسى ھەيران بولغان ھالدا، ھەرقانچە پەسلىشىپ كەنسەڭمۇ، ئاشۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆزىدىلا بىزگە، ساڭا ۋاپاسىزلىق قىلىپ قېچىپ كەتكەن بۈۋى ھەجەرنى ئالامسىنا

پەسلىك

  • پەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پەس، تۆۋەن ھالەت.[يەشمىسى:] ② رەزىللىك، ئىپلاسلىق:[يەشمىسى:] سەن مۇنچىۋالا پەسلىك قىلىپ كەتمە

پەسلىمەك

  • پەسلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يۇقىرىدىن پەسكە قاراپ تۆۋەنلىمەك، ئېگىزدىن پەسكە چۈشمەك؛ پەسەيمەك:[يەشمىسى:] ئۈچ ئايروپىلان ئايلىنىپ كېلىپ، بازار ئۈستىدە پەسلىدى.[يەشمىسى:] ② ئىش-ھەرىكەت ۋە ئادەم روھىي ھالىتىدىكى جىددىيلىك سۇسلاشماق، پەسكويغا چۈشمەك:[يەشمىسى:] ئېتىشىشلار بىردەمدىلا پەسلەپ، بىردەمدىلا ئەۋج ئېلىپ كېتەتتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاجىزلاشماق، بوشىماق، تىنچلانماق (ئاۋاز، تاۋۇش ھەققىدە):[يەشمىسى:] نۇرئاخۇننىڭ ئاۋازى پەسلىشى بىلەن ئايالنىڭمۇ يىغلىغان ئاۋازى پەسلەپ كەتتى.

پەسىل

  • پەسىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] بىر يىلنى تەشكىل قىلىدىغان تۆت مەۋسۇمنىڭ ھەربىرى (ئەتىياز، ياز، كۈز، قىش)؛ مەزگىل:[يەشمىسى:] بىر يىل دېگەن تۆت پەسىل، ھەر بىر پەسىل ئۈچ ئايدىن، ئۆتەر ئۆمرۈم يىل بىلەن، تۇتالماسمەن ھېچ قايدىن.

پەسىلچان

  • پەسىلچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەسىل خاراكتېرىنى ئالغان، پەسىلگە باب، پەسىلگە لايىق.

پەسىلچانلىق

  • پەسىلچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەسىلگە لايىقلىق، پەسىلگە بابلىق:[يەشمىسى:] ھەر خىل كىچىك تىپتىكى دېھقانچىلىق سايمانلىرىنىڭ پەسىلچانلىقى، يەرلىكلىكى كۈچلۈك بولىدۇ.

پەسىلداش

  • پەسىلداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر پەسىلدە تۇغۇلغان، تەڭ دېمەتلىك؛ زامانداش:[يەشمىسى:] ئايلىناي، پەخرىم مېنىڭ ساڭا پەسىلداش بولغىنىم، بولسىدى بۇ پەسلىمىزمۇ مەڭگۈ پارلاق، بۇلبۇلۇم.

پەسىلداشلىق

  • پەسىلداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر پەسىلدە تۇغۇلۇش، زامانداشلىق.

پەسىللىك

  • پەسىللىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەسىل خاراكتېرىنى ئالغان، پەسىلگە باب، پەسىلگە لايىق.

پەشⅠ

  • پەشⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] مۈشۈكنى قوغلاش-ھەيدەش ئىماسى:[يەشمىسى:] مېھمان بار چاغدا مۈشۈكنى پەش دېمە (ماقال).

پەشⅡ

  • پەشⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] جۈملىدىكى تەڭداش تەركىبلەر ۋە قوشما جۈملىدىكى تارماق جۈملىلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان تىنىش بەلگىسى (، ).

پەشⅢ

  • پەشⅢ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «قىلماق» ياردەمچى پېئىلى بىلەن بىللە كېلىپ:[مىسال:] [يەشمىسى:] 1) بىرەر ئىش ياكى بىرەر ئالاھىدىلىكى بىلەن كۆرەڭلىمەك، ماختانماق، ئۇنى دەسمايە ۋە مىننەت قىلماق:[يەشمىسى:] قەيەرگە بارسا ئۆزىنىڭ «بىلىم»ى توغرۇلۇق ماختىنىپ، بۇرۇنقى ئورنىدا باشلىق بولغانلىقىنى پەش قىلدى.[يەشمىسى:] 2) بىرەر نەرسە بىلەن باشقىلارغا دوق قىلماق، پوپوزا قىلماق:[يەشمىسى:] بۇ قېرىلار ياش ۋاقىتلىرىدىكى تۆككەن تەرلىرىنى ئەسلىتىپ، ساقاللىرىنى پەش قىلىپ، كىچىك ئاخۇن تەرەپ بولدى.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىش، بىرەر نەرسىگە مەيلى يوقلۇقىنى بىلدۈرمەك؛ تۈزۈت قىلماق، ناز قىلماق:[يەشمىسى:] ھېزىم لام-جىم دېيەلمەي، تۇرغان جايىدا تۇرۇپ قالدى، ئۇ بەختىگۈلنىڭ نازلىنىپ پەش قىلىۋاتقانلىقىنى نەدىنمۇ بىلسۇن.

پەشⅣ

  • پەشⅣ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① چاپان، كۆڭلەك قاتارلىق كيىملەرنىڭ ئالدى تەرىپى؛ ئېتەك قىسمى:[يەشمىسى:] چاپاننىڭ پېشى.[يەشمىسى:] ② دۈمبە ئەتراپىدىكى ماي ئارىلاش جاي:[يەشمىسى:] پەش گۆش.

پېشىگە ئېسىلماق

  • پېشىگە ئېسىلماق[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى ۋە مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بىرەرسىنىڭ داۋاملىق ياردىمىگە، غەمخورلۇقىغا ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرمەك، ئۇنى چىڭ تۇتماق:[يەشمىسى:] ئادىل ئاكا، ئەمدى مەن سىزنىڭ پېشىڭىزگە چىڭ ئېسىلدىم، سىز مېنىڭ ھەقىقىي ئۇستازىم، ماڭا كۆپ ئۆگىتىڭ، كۆپ ياردەم قىلىڭ.

پېشىنى تۇتماق

  • پېشىنى تۇتماق[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش-ھەرىكەت ۋە مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بىركىمنىڭ ياردىمىگە تايانماق، يۆلەنمەك، ئەگەشمەك، ئىزىدىن ماڭماق:[يەشمىسى:] مەن شۇ كادىرلارنىڭ پېشىنى تۇتقىنىمچە قويۇپ بەرمىدىم ئۇلار ماڭا تۇغۇلۇپ مېھرىگە قانمىغان ئانام ۋە مېنىڭدىن ئۈمىدلىرىنىڭ شولىسىنىمۇ كۆرەلمىگەن دادامنىڭ يوقلۇقىنى بىلىندۈرمىدى.[يەشمىسى:] ② ئۆگەنمەك، يولىغا كىرگۈزمەك، بېرىلمەك:[يەشمىسى:] بۇ دۇنيادا ئادەم ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسە بىرەر ھۈنەرنىڭ پېشىنى تۇتۇش.[يەشمىسى:] ③ ئىگە بولماق، ئېرىشمەك:[يەشمىسى:] ئەسسالام جالالىدىنجان، ئەتە-ئۆگۈن بىرەر ئەمەلنىڭ پېشىنى تۇتسىڭىز قىيا كۆزىڭىز بىلەن باقمايدىكەنسىز دە

پېشىنى قاقماق

  • پېشىنى قاقماق[يەشمىسى:] قېيىدىماق، رەت قىلماق، قول ئۈزمەك، باش تارتماق:[يەشمىسى:] داۋۇت موللام پېشىنى قېقىپ، كۆرسەڭ ئۆزۈڭ كۆر دېگەندەك قىلىپ، ھەممىنى قارىقويۇق قارغاپ ئۆز يېزىسىغا كەتتى.

پەشتاختا

  • پەشتاختا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پەش+تاختا[[يەشمىسى:] سودا دۇكانلىرىدا ھەر خىل ماللارنى قويۇپ سېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۈستەل شەكلىدىكى جاھازا؛ توسما.

پەشتاختىسىز

  • پەشتاختىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەشتاختا ئورنىتىلمىغان، پەشتاختىسى يوق:[يەشمىسى:] پەشتاختىسىز دۇكان تازائەپلەشمەسمىكىن

پەشتاختىلىق

  • پەشتاختىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەشتاختا ئورنىتىلغان، پەشتاختىسى بار:[يەشمىسى:] دۇكان پەشتاختىلىق بولسا، مال سېتىشقا قولايلىق بولىدۇ.

پەشتاق

  • پەشتاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىنالارنىڭ ئالدى تەرىپىگە، ئالدى كۆرۈنۈشىگە چىقىرىلغان ھەشەمەتلىك قۇرۇلما.[يەشمىسى:] ② خانىقا ۋە مەسچىتلەردىكى مەزىن ئەزان ئېيتىدىغان، ھېيت-ئايەم، مۇراسىم كۈنلىرى ناغرا-سۇناي چالىدىغان جاي.[يەشمىسى:] ③ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن پەلەمپەيلىك سۇپا؛ پەلەمپەينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتى:[يەشمىسى:] پەشتاق ياسىماق. پەشتاق سالماق.[يەشمىسى:] ④ ئايرودرومدىكى ئايروپىلان بىلەن ئالاقىلىشىدىغان خەۋەرلىشىش ئورنى. شەكلى مۇنارغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا رادىئو خەۋەرلىشىش ئاپپاراتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ.

پەشتاقلىق

  • پەشتاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەشتاق چىقىرىلغان، پەشتىقى بار:[يەشمىسى:] پەشتاقلىق سېپىل. پەشتاقلىق ئىمارەت.

پەشتاما

  • پەشتاما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تاماق ئەتكەندە ئالدىغا تارتىۋالىدىغان بوغقۇچلۇق لاتا، پەرتۇق:[يەشمىسى:] پەشتاما تارتماق.

پەشتامىسىز

  • پەشتامىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەشتاما تارتمىغان، پەشتامىسى يوق:[يەشمىسى:] پەشتامىسىز ئاشخانىدا تاماق ئەتكەندە كىيىم ئاسان كىر بولمامدۇ

پەشتامىلىق

  • پەشتامىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پەشتاما تارتقان، پەشتامىسى بار:[يەشمىسى:] پەشتامىلىق بىر قىز پات-پات ئالدىمىزدىكى پىيالىگە چاي لىقلاپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② پەشتاما قىلىشقا بولىدىغان، پەشتامىغا لايىق، باب كېلىدىغان؛ پەشتاما تىكىشكە يېتىدىغان:[يەشمىسى:] بىر پەشتامىلىق رەخت.

پەشخۇن

  • پەشخۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] خېمىرنى چەيلەپ يۇغۇرۇش، زۇۋۇلا قىلىپ نان راسلاش ۋە سېتىلىدىغان نانلارنى تېزىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ياغاچتىن ياسالغان تاختا.

پەشخۇنسىز

  • پەشخۇنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەشخۇن قويۇلمىغان، پەشخۇنى يوق:[يەشمىسى:] ناۋايخانا ئەلۋەتتە پەشخۇنسىز بولمايدۇ-دە.

پەشخۇنلۇق

  • پەشخۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پەشخۇن قويۇلغان، پەشخۇنى بار:[يەشمىسى:] پەشخۇنلۇق ئاشخانا.[يەشمىسى:] ② پەشخۇن ياساشقا يېتىدىغان، پەشخۇنغا باب، لايىق بولغان:[يەشمىسى:] ئۇ پەشخۇنلۇق ياغاچ ئىزدەپ تالاغا چىقتى.

پەشسىمان

  • پەشسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەش شەكلىدىكى، پەشكە ئوخشايدىغان.

پەشلەتمەك

  • پەشلەتمەك[يەشمىسى:] «پەشلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[يەشمىسى:] توختى باياتىن قاسساپقا پەشلەتكەن گۆشنى توڭلاتقۇغا سېلىشقا باشلىدى.

پەشلەنمەك

  • پەشلەنمەك[يەشمىسى:] «پەشلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[يەشمىسى:] داۋۇت ئۇستام پەشلەنگەن گۆشنى توغراشقا باشلىدى.

پەشلىك

  • پەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىكىلىدىغان كىيىمنىڭ پېشى ئۈچۈن تەييارلانغان رەخت، پەشكە ئاتاپ كېسىلگەن رەخت.

پەشلىمەك

  • پەشلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆلتۈرۈلگەن قوينىڭ پەش گۆشى بىلەن پېشىگە تۇتاش يەرلىرىدىكى ماينى شىلىۋالماق:[يەشمىسى:] سۇلايمان گۆشنى پەشلىدى.

پەشمەتⅠ

  • پەشمەتⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] توغرا ياقىلىق، تىزنى بېسىپ تۇرىدىغان ئىچ پەتلىلىك چاپان.

پەشمەتⅡ

  • پەشمەتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ياغدا قورۇلغان ئۇن ۋە قىيامدىن تەييارلانغان، تالا-تالا يىپسىمان يەرلىك تاتلىق يېمەكلىك:[يەشمىسى:] ھالۋايى پەشمەت.

پەشمەتسىز

  • پەشمەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەشمىتى يوق، پەشمەت كىيمىگەن.

پەشمەتلىك

  • پەشمەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پەشمىتى بار پەشمەت كىيگەن:[يەشمىسى:] پەشمەتلىك ئادەم.[يەشمىسى:] ② پەشمەت تىكىشكەلايىق، باب كېلىدىغان:[يەشمىسى:] پەشمەتلىك رەخت.

پەشۋا

  • پەشۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① پۇت پەنجىسىنىڭ دۈمبىسى، ئالدى تەرىپى:[يەشمىسى:] پەشۋا ئاتماق. پەشۋا ئۇرماق.[يەشمىسى:] ② تېپىك:[يەشمىسى:] ئۇ بىر پەشۋاغا يارىماي موللاق ئېتىپ چۈشكەنچە، بىر سائەت قوپالماي ياتتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زەربە، دەشنەم؛ دەككە:[يەشمىسى:] پەشۋا بەرمەك. پەشۋا يېمەك.

پەشۋاچى

  • پەشۋاچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەشۋا ئېتىشقا ئۇستا ئادەم.

پەشۋالاشماق

  • پەشۋالاشماق[يەشمىسى:] «پەشۋالىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[يەشمىسى:] ۋەھشىيلەشكەن چوماقچىلار سۇلتاننى ئارىغا ئېلىۋېلىپ پەشۋالاشتى.

پەشۋالىماق

  • پەشۋالىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پەشۋا بىلەن ئۇرماق، پەشۋا بەرمەك:[يەشمىسى:] ئۇ بىردەم ئاكىسىنى پەشۋالىسا، بىردەم ئىنىسىنى چوقۇلايتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] توساتتىن دەككىسىنى بەرمەك:[يەشمىسى:] ئوغرىنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىغان ئەر-خوتۇن ئىككىسى يوشۇرۇنۇۋېلىپ ئەپچىللىك بىلەن پەشۋالاپ دەككىسىنى بەردى.

پەغەز

  • پەغەز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇچۇپ كەلگەن كەپتەرلەر قونىدىغان قونداق.

پەقەت

  • پەقەت[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① «يالغۇز» دېگەن مەنىدە چەكلىنىشنى بىلدۈرىدۇ:[يەشمىسى:] مەن پەقەت مۇشۇ ئىش ئۈچۈن كەلدىم.[يەشمىسى:] ② بولۇشسىز جۈملىدە «ھەرگىز» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ:[يەشمىسى:] مەن بۇ يەرگە پەقەت كەلمىگەن.

پەقەش

  • پەقەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ پوقى.

پەكەش

  • پەكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرىنى ئەيلەشتىن بۇرۇن نەملەپ كېرىگەن ھالەت.

پەكەشلەنمەك

  • پەكەشلەنمەك[يەشمىسى:] «پەكەشلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پەكەشلىمەك

  • پەكەشلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تېرىنى ئەيلەشتىن بۇرۇن نەملەپ كەرمەك.

پەگاھ

  • پەگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆينىڭ ئىشىككە يېقىن يېرى، تۆرنىڭ قارىمۇقارشىسى:[يەشمىسى:] پەگاھتا ئولتۇرماق. پەگاھتا قالماق.

پەلەستىن

  • پەلەستىن[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] پەلەستىن دۆلىتى ئوتتۇرا دېڭىز، ئۈلۈك دېڭىز ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 27 مىڭ 90 كۋادرات كىلومېتر (1947-يىلىدىكى ب د ت نىڭ قارارىغا ئاساسەن). دۆلەت نوپۇسىنىڭ ئاساسىي قىسمى ئەرەبلەر بولۇپ، يەنە ئاز ساندا يەھۇدىيلارمۇ بار. ئەرەبلەر ئەرەب تىلىدا، يەھۇدىيلار ئېبراي تىلىدا سۆزلىشىدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، يەھۇدىيلار يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، يەنە ئاز ساندىكى كىشىلەر خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

  • پەلەستىندە مىلادىدىن ⅩⅩ ئەسىر ئىلگىرى خانائىنلار ئولتۇراقلاشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅢ ئەسىردە يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان ئېبراي قەبىلىلىرى كۆچۈپ كىرگەن. كېيىن بۇ جاينى ئاسسۇرىيە، بابىلون، پىرسىيە ۋە رىم ئىمپىرىيىلىرى بېسىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى يەھۇدىيلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تاراپ كەتكەن. مىلادى 637-يىلى ئەرەب ئىمپېرىيىسى بۇ جاينى بويسۇندۇرۇپ، يەرلىك مىللەتلەر بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك سېڭىشىش نەتىجىسىدە ھازىرقى پەلەستىن ئەرەبلىرى شەكىللەنگەن. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى يەھۇدىيلار تۈركۈملەپ كۆچۈپ كىرگەن. 1947-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ب د ت قارار ماقۇللاپ، پەلەستىن دۆلىتى ۋە يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇشنى قارار قىلغان. 1948-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى يەھۇدىيلار ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ، ئەتىسىلا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، پەلەستىننى بېسىۋالغان، شۇڭا پەلەستىن دۆلىتى ھازىرغىچە قۇرۇلالمىغان. پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە 1994-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى گازا رايونىدىكى چېرىكو شەھىرىدە ئاپتونوم ھاكىمىيەت ئورگىنى قۇرۇلغان.

  • ئاساسلىق شەھەرلىرى: ① ئىرۇسالىم، پەلەستىننىڭ ئەسلى پايتەختى، دۇنياغا مەشھۇر قەدىمى شەھەر ۋە ئۈچ دىننىڭ مۇقەددەس شەھىرى، مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل. ② گازا، ئوتتۇرا دېڭىز بويىغا جايلاشقان قەدىمىي شەھەر. تۇپرىقى مۇنبەت. جۇغراپىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ③ جېرىكو، ۋاقىتلىق ئاپتونومىيە پايتەختى. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئولتۇراق جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، خاتىرىلىنىشچە بۇندىن 9000 يىل ئىلگىرىلا بۇ جايدا ئادەملەر ئولتۇراقلاشقان.

پەلەك

  • پەلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① يەردىن گۈمبەز، قازان شەكلىدە بولۇپ كۆرۈنىدىغان ھاۋا بوشلۇقى؛ ئاسمان، كۆك:[يەشمىسى:] پەلەككە تۇتاشماق. پەلەككە يەتمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەقدىر، قىسمەت:[يەشمىسى:] شۇم پەلەك. * ھەي ۋاپاسىز پەلەك دەپ خىتاب قىلغانىدى مەھمۇت.

پەلەمپەي

  • پەلەمپەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ياغاچ-تاش، خىش ياكى بېتونلاردىن ياسالغان، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى تۇتاشتۇرىدىغان بەلدەملىك يول؛ باسقۇچ، پەللە.

پەلەمپەيلىك

  • پەلەمپەيلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پەلەمپەي قۇرۇلغان، پەلەمپەي ئورنىتىلغان، پەلەمپىيى بار:[يەشمىسى:] پەلەمپەيلىك ئىمارەت. پەلەمپەيلىك شارقىراتما.[يەشمىسى:] ② پەلەمپەي قۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانغان، پەلەمپەي ياساشقا بولىدىغان:[يەشمىسى:] بەش پەلەمپەيلىك ماتېرىيال تەييارلاندى.

پەلەي

  • پەلەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قولنى سوغۇقتىن، رەخىملىنىشتىن، زەھەرلىنىشتىن ساقلاش ئۈچۈن قولغا كىيىلىدىغان بۇيۇم؛ قولقاپ:[يەشمىسى:] يۇڭ پەلەي. تېرە پەلەي.

پەلەيلىك

  • پەلەيلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پەلىيى بار، پەلەي كىيگەن:[يەشمىسى:] پەلەيلىك قىز.[يەشمىسى:] ② پەلەي تىكىش، توقۇش ئۈچۈن تەييارلانغان، پەلەي تىكىشكە ئاتالغان:[يەشمىسى:] بىر پەلەيلىك يىپ. بىر پەلەيلىك تېرە.

پەلتەڭ

  • پەلتەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تۆت پۇتلۇق ئۇزۇن ئورۇندۇق؛ بەندىڭ.

پەلتو

  • پەلتو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] بىر خىل سىرتقى كىيىم، ئادەتتە قايرىما ياقىلىق بولۇپ تىزدىن ئېشىپ تۇرىدۇ، يۇڭ رەخت ۋە ھەر خىل ئالىي سورتلۇق رەختلەردىن تىكىلىدۇ:[يەشمىسى:] سارجا پەلتو.

پەلتولۇق

  • پەلتولۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پەلتوسى بار، پەلتو كىيگەن:[يەشمىسى:] پەلتولۇق ئايال.[يەشمىسى:] ② پەلتو تىكتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلانغان، پەلتو تىكتۈرۈشكە مۇۋاپىق:[يەشمىسى:] بىر پەلتولۇق رەخت. ∥ پەلتولۇق ئالماق.

پەلسەپە

  • پەلسەپە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:]]ئەرەبچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① دۇنيا قاراش ھەققىدىكى تەلىمات، كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل دۇنيا (تەبىئەت دۇنياسى، جەمئىيەت ۋە تەپەككۇر) توغرىسىدىكى تۈپ كۆز قاراشلىرىنىڭ سىستېمىسى، تەبىئەت بىلىملىرى بىلەن جەمئىيەت توغرىسىدىكى بىلىملەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ۋە يەكۈنى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇلاھىزە قىلىشقا ئەرزىمەيدىغان، پاكىتسىز، ئاساسسىز پىكىر، سەپسەتە، قۇرۇق گەپ:[يەشمىسى:] روزى سادىقنىڭ گېپىنى كېسىپ: − پەلسەپە ساتمىساڭچۇ، ھويلىغا نەدىن كىردىڭ؟ − دېدى.

پەلسەپىچى

  • پەلسەپىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەلسەپە ئىلمى بىلەن شۇغۇللانغۇچى؛ پەلسەپە ئەھلى:[يەشمىسى:] ئۇ ئاتاقلىق پەلسەپىچى.

پەلسەپىۋاز

  • پەلسەپىۋاز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] پەلسەپىگە بېرىلگەن، پەلسەپىگە ئىشتىياق باغلىغان؛ ھە دېسە پەلسەپە سۆزلەيدىغان.

پەلسەپىۋازلىق

  • پەلسەپىۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەلسەپىگە بېرىلىش، پەلسەپىگە ئىشتىياق باغلاش:[يەشمىسى:] پەلسەپىۋازلىق قىلماق.

پەلسەپىۋى

  • پەلسەپىۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پەلسەپە ئاساسىدىكى، پەلسەپىگە دائىر، پەلسەپىگە ئالاقىدار بولغان:[يەشمىسى:] پەلسەپىۋى ئەسەر. پەلسەپىۋى مەسىلە.

پەلكەت

  • پەلكەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يامان، ئەسكى، ناچار:[يەشمىسى:] پەلكەت بالا. پەلكەت رەخت.

پەلكۈچ

  • پەلكۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى پەردازلاش. ياغلاش. سۈرتۈپ تازىلاش ئۈچۈن چوكا ياغاچ ياكى تۆمۈرنىڭ ئۇچ قىسمىغا پاختا ياكى يۇمشاق نەرسە ئوراپ ياسالغان سايمان؛ سۈرتكۈچ.[يەشمىسى:] ② قارا چىراغنىڭ پىلىكىنى پەرلەيدىغان ياغاچ؛ پەرلىگۈچ:[يەشمىسى:] پەلكۈچ ياسىماق.

پەلكۈچلەنمەك

  • پەلكۈچلەنمەك[يەشمىسى:] «پەلكۈچلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پەلكۈچلىمەك

  • پەلكۈچلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پەلكۈچ ياسىماق:[يەشمىسى:] ئۇ ئەتىسى ئەتىگەندە ئازراق پاختىنى ياغاچقا پەلكۈچلەپ، پەلكۈچنى ئوسمىغا مىلەپ، ئانىسىغا كېلىشتۈرۈپ پەرداز قىلىپتۇ.[يەشمىسى:] ② چىراغ پىلىكىنى چىقارماق، پەرلىمەك:[يەشمىسى:] چىراغنى پەلكۈچلىمەك.[يەشمىسى:] ③ پەلكۈچ بىلەن ماي، بوياق قاتارلىقلارنى سۈرمەك:[يەشمىسى:] ئۇكام مۇنۇ ماينى پۇتۇڭغا پەلكۈچلەپ قوياي، شىپاتاپسىمۇ ئەجەب ئەمەس.

پەللە

  • پەللە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① پەلەمپەي، شوتا قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىر باسقۇچى، بالدىقى:[يەشمىسى:] ئۇ شوتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققاندا زادىلا بولالماي قالدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش، ھەرىكەت، ۋەقە، ھادىسە قاتارلىقلارنىڭ راۋاجلىنىش جەريانىدىكى ئايرىم پەيتى، دەۋرى؛ باسقۇچى، دەرىجىسى:[يەشمىسى:] پەن مەلۇم پەللىگە يەتكەندە، يېڭى يول نامايان بولىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدا، تەييارلىق ھالىتىدە تۇرىدىغان ياكى يېتىپ بارىدىغان ئورۇن؛ سىزىق، چەك:[يەشمىسى:] پەللىدىن چىقماق. پەللىگە يېتىپ بارماق.[يەشمىسى:] ④ بەلگىلەنگەن نۇقتا، نىشان، مەنزىل:[يەشمىسى:] موللا زەيدىن تەمتىرىمەستىن دېمىنى رۇسلاپ، ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى.[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئادەم بەدىنىنىڭ يىڭنە سانجىشقا بولىدىغان يېرى، بەدەندىكى نېرۋىلارنىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرى زىچ توپلاشقان جايلىرى ياكى تومراق نېرۋا تالالىرى ئۆتىدىغان جايلار پەللە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تېرە كېسەللىكلىرىدىكى داۋالىنىدىغان جايمۇ پەللە ھېسابلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ تارازىنىڭ نەرسە قويۇلىدىغان تەخسىسى.[يەشمىسى:] ⑦ [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۇرۇقنىڭ مۇستەقىل ئاجرالغان ھەربىر بۆلىكى.

پەللەك

  • پەللەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ساغرا، كاسا.

پەللىمە

  • پەللىمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] تۆۋەندىن يۇقىرىغا تەدرىجىي ئۆرلەيدىغان ياكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تەدرىجىي چۈشىدىغان؛ باسقۇچمۇ باسقۇچ:[يەشمىسى:] پەللىمە ئاۋاز.

پەللىمەك

  • پەللىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] گوللىماق، ئالدىماق.

پەللىمۇپەللە

  • پەللىمۇپەللە[يەشمىسى:] باسقۇچمۇ باسقۇچ، بالداقمۇ بالداق، دەرىجىمۇدەرىجە:[يەشمىسى:] پەللىمۇپەللە ئۆرلىمەك.

پەلىپەتىش

  • پەلىپەتىش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قالايمىقان، تەرتىپسىز، چۇۋالچاق، مالىماتاڭ:[يەشمىسى:] پەلىپەتىش ئىش. پەلىپەتىش ھەرىكەت. پەلىپەتىش ئادەم.

پەلىپەتىشلىك

  • پەلىپەتىشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەلىپەتىش ئىش، پەلىپەتىش ھەرىكەت:[يەشمىسى:] پەلىپەتىشلىك قىلماق.

پەم

  • پەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئەقىل، ئىدراك، پاراسەت:[يەشمىسى:] پەم بىلەن ئىش قىلماق. * ھەر ئىشقا پەم كېرەك، ئۆتۈككە چەم كېرەك (ماقال).[يەشمىسى:] ② كىشىلەر بىرەر ئىشنى بېجىرىشتە قوللىنىلغان ئەپ؛ چارە، ئامال، تەدبىر:[يەشمىسى:] پەم ئىشلەتمەك. پەمى بار. پەمى يوق.[يەشمىسى:] ③ كىشىلەرنىڭ بىرەر ئىشقا نىسبەتەن قىلغان ئوي، قىياسى، مۆلچەرى:[يەشمىسى:] ئاكا، سېنىڭ پەمىڭچە، مۇشۇ كارخانىنى كۆتۈرە ئالساق، كېيىن «ئىسىت» دەپ قالماسمىزمۇ دېدى ئابدۇغېنى.[يەشمىسى:] ④ دىققەت، ئېھتىيات:[يەشمىسى:] ئالماس مەشرەپنىڭ قولىدىن تۇتۇپ پەم بىلەن ھويلىغا كىردى.

پەم-پاراسەت

  • پەم-پاراسەت[يەشمىسى:] پەم ۋە پاراسەت:[يەشمىسى:] يولداشلار نادىرنىڭ باتۇر، قەيسەرلىكى ۋە پەم-پاراسىتىگە ئاپىرىن ئوقۇشتى.

پەم-پاراسەتسىز

  • پەم-پاراسەتسىز[يەشمىسى:] پەم-پاراسىتى يوق، پەم-پاراسىتى بولمىغان:[يەشمىسى:] باسىت: ئېيتقىنا، يەل تاپان، مېنى پەم-پاراسەتسىز قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، سەككىز ئاياغلىق بولۇپ چېپىپ يۈرىسەن-ھە، دېدى.

پەم-پاراسەتلىك

  • پەم-پاراسەتلىك[يەشمىسى:] پەم-پاراسىتى بار، پەم-پاراسەتكە ئىگە:[يەشمىسى:] پەم-پاراسەتلىك ئادەم.

پەمسىز

  • پەمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەمى يوق، بىرەر ئىشقا پەم ئىشلىتەلمەيدىغان:[يەشمىسى:] پەمسىز ئايال. ∥ پەمسىز پەلەمپەيدىن يىقىلار (ماقال).

پەمسىزلىك

  • پەمسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەقىلسىزلىق، تەدبىرسىزلىك:[يەشمىسى:] شەپەرەڭ: پەرۋانە پەمسىزلىكىدىن، خەتەردىن قاچالماي بىكارغا ئۆلدى، دېدى.

پەملەشمەك

  • پەملەشمەك[يەشمىسى:] «پەملىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[يەشمىسى:] ئۇلار بۇ خىلدىكى ئىشلارنىڭ يېقىن ئارىدا ھەل بولمايدىغانلىقىنى پەملەشتى.

پەملەنمەك

  • پەملەنمەك[يەشمىسى:] «پەملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[يەشمىسى:] ياسىن دەككە-دۈككىگە چۈشۈشكە باشلىدى، چۈنكى رەنانىڭ كېلەلمەيدىغانلىقى پەملەنگەنىدى.

پەملىك

  • پەملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەمى بار، بىرەر ئىشتا پەم ئىشلىتەلەيدىغان، پەم-پاراسەتلىك:[يەشمىسى:] ئەي ئوغۇل، ئەگەر ھاكىم، سوراقچى (ئەمەلدار) بولساڭ ياۋاش، پەملىك، ھەق-ناھەقنى ئايرىغۇچى بولغايسەن.

پەملىمەك

  • پەملىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەت، ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ تېگى-تەكتىگە يەتمەك:[يەشمىسى:] قۇربان ھاشىم ئىشنىڭ ئەپلەشمىگەنلىكىنى پەملەپ، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەممىنى ساۋۇتجانغا دۆڭگىدى.[يەشمىسى:] ② ئويلىماق، مەقسەت قىلماق:[يەشمىسى:] سەن بىرنەرسىنى پەملەۋاتىسەنغۇ دەيمەن، دېدى ئەختەم.[يەشمىسى:] ③ ئەپلىمەك، بابلىماق، جايلىماق:[يەشمىسى:] كامال، ئالماسنىڭ قېشىغا يېقىن كېلىپ قۇلىقىغا:[يەشمىسى:] ئاۋۇ ماش رەڭ چاپانلىقنى كۆردۈڭمۇ بارە، پۇل كاسا يانچۇقىدا جۇمۇ، قورقما، مەن ئاۋۇ كەپكە شەپكىلىكنى پەملەي، دېدى.

پەمىدۇر

  • پەمىدۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «شوخلا»غا قاراڭ.

پەمىدۇرلۇق

  • پەمىدۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەمىدۇر تېرىلغان، پەمىدۇر ئۆسكەن:[يەشمىسى:] پەمىدۇرلۇق ئېتىز. پەمىدۇرلۇق يەر.

پەمىلچاي

  • پەمىلچاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چاينىڭ چوڭ بىر تۈرى، يەنى تولۇق ئېچىتىلغان چاي. رەڭگى قارا، مايدەك پارقىرايدۇ، دەملەنگەندىن كېيىن قىزىرىدۇ. ئالاھىدە بىر خىل خۇشبۇي پۇراققا ئىگە.

پەن

  • پەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان ھەمدە ئەتراپتىكى مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىلىملەر سىستېمىسى:[يەشمىسى:] پەن تەتقىقاتى.

پەنەركە

  • پەنەركە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ياغاچ قىرىندىلىرىنى تېخنىكىلىق يول بىلەن ماشىنىنىڭ بېسىم كۈچىدە يۇغۇرۇپ، ئۇزۇن، ئەنلىك، سىلىق ھەم پارقىراق قىلىپ ئىشلەنگەن كۆپ قەۋەت ياكى يالاڭ قەۋەتلىك بىر خىل نېپىز تاختاي.

پەنت

  • پەنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئادەم ۋە نەرسە ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان تەدبىر؛ ھىيلە، ئالدام:[يەشمىسى:] پەنت قىلماق. پەنت ئۇرماق.

پەن-تېخنىكا

  • پەن-تېخنىكا[يەشمىسى:] پەن ۋە تېخنىكا؛ ئىلىم، ھۈنەر.

پەن-تېخنىكىسىز

  • پەن-تېخنىكىسىز[يەشمىسى:] پەن-تېخنىكىنى ئىشلەتمەي، پەن-تېخنىكىدىن پايدىلانماي:[يەشمىسى:] پەن-تېخنىكىسىز مىللەت ئالغا باسالمايدۇ.

پەن-تېخنىكىلىق

  • پەن-تېخنىكىلىق[يەشمىسى:] پەن-تېخنىكىغا ئائىت، پەن-تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك:[يەشمىسى:] پەن-تېخنىكىلىق مەسىلىلەر.

پەنجەⅠ

  • پەنجەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قولنىڭ بارماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمى، بارماق:[يەشمىسى:] قولنىڭ پەنجىسى.[يەشمىسى:] ② بەزى ھايۋان ۋە قۇشلار ئايىغىنىڭ ئۇچ قىسمى؛ چاڭگال، تىرناق:[يەشمىسى:] بۈركۈت تۈلكىنى پەنجىسى بىلەن قارماپ مىنىۋالدى.[يەشمىسى:] ③ گىلەم توقۇشتا ئارقاققا ئۆتكۈزۈلگەن يۇڭ يىپنى چىڭدايدىغان تۇتقۇچلۇق، تارغاقسىمان تۆمۈر ئەسۋاب؛ دەستىگاھ.

پەنجەⅡ

  • پەنجەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تۈگمىگۈل ئائىلىسىگە مەنسۇپ يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. غولىنىڭ ئەۋرىشىم قىسمىدىن تالا چىقىرىشقا بولىدۇ. قەغەز ئىشلەشكە خام ئەشيا ۋە تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

پەنجەⅢ

  • پەنجەⅢ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ئورۇلغان بۇغداي، ئوت-چۆپلەرنىڭ ئارا بىلەن بىر قېتىم كۆتۈرۈشكە بولىدىغان دوۋىسى. بىرپەنجە يانتاق.

پەنجىرە

  • پەنجىرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ① ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ يورۇق بولۇشى ۋە ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرۇشى ئۈچۈن ياغاچ ياكى تۆمۈردىن تارغاقسىمان ياكى ئۇششاق كاتەكچە چىقىرىپ ياسالغان جاھاز؛ روجەك، دېرىزە.[يەشمىسى:] ② ياغاچ ۋە تۆمۈردىن يانمۇيان قىلىپ تارغاققا ئوخشاش ياسالغان توسۇق؛ شادا.

پەنجىرىلىك

  • پەنجىرىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پەنجىرىسى بار، پەنجىرە ئورنىتىلغان:[يەشمىسى:] پەنجىرىلىك ئۆي. پەنجىرىلىك ساراي.[يەشمىسى:] ② پەنجىرە ياساش ئۈچۈن تەييارلانغان:[يەشمىسى:] پەنجىرىلىك ياغاچ. پەنجىرىلىك ماتېرىيال.

پەنجىگاھ

  • پەنجىگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ 5-سى. ئۇ 25 نەغمە، 240 مىسرا بولۇپ، چوڭ نەغمە 174 مىسرادىن؛ 3 داستان 6 نەغمە 24 مىسرادىن، 5 مەشرەپ 5 نەغمە 42 مىسرادىن تەركىب تاپقان:[يەشمىسى:] پەنجىگاھ مۇقامى. * «پەنجىگاھ» مۇقامىنىڭ بىر قىسمى جانابىي ئۆمەر سازەندە باشچىلىقىدا ئورۇندىلىدۇ.

پەنجىلەشمەك

  • پەنجىلەشمەك[يەشمىسى:] «پەنجىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پەنجىلەنمەك

  • پەنجىلەنمەك[يەشمىسى:] «پەنجىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پەنجىلىك

  • پەنجىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەنجىسى بار، پەنجىسى بولغان:[يەشمىسى:] كەڭ پەنجىلىك قول.

پەنجىلىمەك

  • پەنجىلىمەك[يەشمىسى:] ① ئارقاق يىپىنىپەنجە بىلەن چىڭىتماق، قۇرنى زىچلىماق؛ چىڭدىماق:[يەشمىسى:] گۈلنار توقۇۋاتقان گىلىمىنى سۈپەتلىك چىقىرىش ئۈچۈن قۇرمۇقۇر پەنجىلەيتتى.[يەشمىسى:] ② ئورۇلغان ئوت-چۆپ، بۇغداي پەنجىلىرىنى سەيلىمەك، دەستىلىمەك، يىغىنچاقلىماق، تايلىماق:[يەشمىسى:] زەيتۇنەم ئۇ يەر، بۇ يەردە چېچىلىپ ياتقان يانتاقلارنى بىر-بىرلەپ يىغىپ، كەتمەن بىلەن ئۇرۇپ، دەسسەپ، چىڭداپ پەنجىلەشكە باشلىدى.

پەند

  • پەند[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئۈگۈت، نەسىھەت.

پەندنامە

  • پەندنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كىشىلەرنى يامان يولدىن قايتىشقا، ياخشىلىقنى ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىدىغان، ئەدەپ-ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدىغان نەسىھەت خېتى:[يەشمىسى:] پەندنامە يازماق.

پەند-نەسىھەت

  • پەند-نەسىھەت[يەشمىسى:] پەند ھەم نەسىھەت.

پەندىيات

  • پەندىيات[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قاتتىق بىزار بولغان، تويغانلىقنى بىلدۈرىدىغان، «ئەستە ساقلاشقا تېگىشلىك نەسىھەت، ساۋاق» دېگەن مەنىدىكى پۇشايمان، ئەپسۇس سۆزى:[يەشمىسى:] بولدى، پەندىيات ئەگەر خوتۇن مۇشۇنداق بولسا، ئىككىنچى ئۆيلەنمەپتىمەن، دېدى ئۇ.

پەنساد

  • پەنساد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سلاز.[يەشمىسى:] خانلىق دەۋرلىرىدە ئەسكەر باشلىقلىرىغا بېرىلىدىغان ئۇنۋانلارنىڭ بىر تۈرى ۋە شۇ ئۇنۋانغا ئىگە بولغان شەخس.

پەنلىمەك

  • پەنلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەت ياكى گەپ-سۆزدە باشقىلارنى ئالدىماق، بۇردا قىلماق، ساختا قىلماق:[يەشمىسى:] بەزى ھۈنەرۋەنلەر خېرىدارنى پەنلەيمەن دەپ، ئۆزىنى پەنلەيدۇ. خېرىدار دېگەن خىزىر-دە، خىزىر.

پەن-مەرىپەت

  • پەن-مەرىپەت[يەشمىسى:] پەن ۋە مەرىپەت.

پەننىي

  • پەننىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پەنگە، ئىلىمگە ئاساسلانغان؛ ئىلمىي:[يەشمىسى:] پەننىي بىلىم. پەننىي مەكتەپ. پەننىي ساۋات.

پەننىيلەشتۈرمەك

  • پەننىيلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «پەننىيلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[يەشمىسى:] جۇڭگونى زامانىۋىلاشقان بىر دۆلەت قىلىش ئۈچۈن، پەننىيلەشتۈرۈشنى بىرىنچى نىشان قىلىشىمىز لازىم.

پەننىيلەشتۈرۈلمەك

  • پەننىيلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «پەننىيلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[يەشمىسى:] جۇڭگونى زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىمىز دېسەك، ئەلۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش پەننىيلەشتۈرۈلۈشى كېرەك.

پەننىيلەشمەك

  • پەننىيلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پەنگە، ئىلىمگە ئىگە بولماق، ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولماق.

پەننىيلىك

  • پەننىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەنگە، ئىلىمگە ئاساسلىنىش، ئىلمىيلىك:[يەشمىسى:] پەننىيلىككە ئەھمىيەت بېرىش دېگىنىمىز ئوقۇتۇشنىڭ تەشكىلىي شەكلىدە قاتتىق ئىلمىيلىك بولۇش دېگەننى كۆرسىتىدۇ.

پەۋاز

  • پەۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① چاپان، كۆڭلەك قاتارلىق كىيىم-كېچەكلەرنىڭ پەش، ئېتەك قىسمىدىكى پۈكۈلگەن جايى؛ قىرغاق:[يەشمىسى:] پەۋىزىنى تىكمەك. * ئەستىرىدىن پەۋىزى چوڭ (ماقال).[يەشمىسى:] ② جۇۋا پەۋىزىنىڭ ئۈستىگە قوندۇرۇلغان تۈكى پەس، ياغاقتېرە؛ جىيەك:[يەشمىسى:] پەۋاز تۇتماق. پەۋاز چاتماق. پەۋاز قوندۇرماق.

پەۋازسىز

  • پەۋازسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەۋاز تۇتۇلمىغان، پەۋىزىيوق:[يەشمىسى:] پەۋازسىز چاپان.

پەۋازلاتماق

  • پەۋازلاتماق[يەشمىسى:] «پەۋازلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[يەشمىسى:] ماشىنىچى ئۇستام تىككەن كىيىملەرنىڭ پەۋىزىنى شاگىرتىغا پەۋازلاتتى.

پەۋازلاشماق

  • پەۋازلاشماق[يەشمىسى:] «پەۋازلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:

پەۋازلانماق

  • پەۋازلانماق[يەشمىسى:] «پەۋازلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[يەشمىسى:] كىيىم پەۋازلاندى.

پەۋازلىق

  • پەۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەۋاز تۇتۇلغان، پەۋىزى بار:[يەشمىسى:] پەۋازلىق كىيىم.

پەۋازلىماق

  • پەۋازلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەر خىل كىيىم-كېچەكلەرنىڭ چۆرىسىنى پۈكۈپ جىيەك تۇتماق، قىرغاق چىقارماق، پەۋىزىنى ئەتمەك:[يەشمىسى:] چاپاننىڭ پېشىنى پەۋازلىماق.

پەۋەس

  • پەۋەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توشۇپ كەتكەن، لىق:[يەشمىسى:] پەۋەس ئادەم. پەۋەس ئاشلىق. ∥ سۇپىدا يەنە ئۈچ-تۆت تاغارغا پەۋەس قاچىلانغان يىرىك ئاشلىقمۇ ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.

پەۋقۇلئاددە

  • پەۋقۇلئاددە[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان، ئادەتتە ئۇچرىمايدىغان؛ كۈتۈلمىگەن، تاسادىپىي:[يەشمىسى:] پەۋقۇلئاددە ئەھۋال. پەۋقۇلئاددە ھادىسە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئادەتتىن تاشقىرى، ھەددىدىن زىيادە، غايەت، ئىنتايىن:[يەشمىسى:] ئۇ ئۆز سىنىپىنىڭ بىر مەۋسۇم ئىچىدە پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىگە ھەيران بولدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئالاھىدە ۋەقەلەر، ھادىسىلەر ياكى مەخسۇس شارائىت تەلىپى بىلەن بەلگىلىنىدىغان، سادىر بولىدىغان؛ نۆۋەتتىن تاشقىرى:[يەشمىسى:] پەۋقۇلئاددە ۋەزىپە. پەۋقۇلئاددە ئەلچى. * ئۇ ساقچى ئەمەلدارى بىلەن يىپەك سەللىلىك ئاخۇننىڭ سۆزىدىن پەۋقۇلئاددە بىر يېڭىلىقنى سەزدى.

پەۋقۇلئاددىلىق

  • پەۋقۇلئاددىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەتتىن تاشقىرىلىق، ئالاھىدىلىك:[يەشمىسى:] ھاشىم بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنى زادىلا تەسەۋۋۇر قىلغان ئەمەس، بۇ بىر پەۋقۇلئاددىلىق.

پەيⅠ

  • پەيⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قۇش تېنىنى قاپلاپ تۇرىدىغان مۈڭگۈزسىمان نەيچىلەر ۋە شۇ نەيچىلەرنىڭ ئىككى يېنىدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان يۇمشاق تۈك؛ موي:[يەشمىسى:] توخو پېيى. ∥پەي ياستۇق. پەي يوتقان. پەي كۆرپە. پەي قەلەم.

پەيⅡ

  • پەيⅡ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەدەندىكى مۇسكۇللارنى سۆڭەككە بىرلەشتۈرۈپ تۇرىدىغان ئاق رەڭلىك مۇستەھكەم، ئەۋرىشىم توقۇلما؛ سىڭىر:[يەشمىسى:] پېيى تارتىشماق. ∥پەي تار. پەي تارتىشماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چىڭ، مەزمۇت، پۇختا:[يەشمىسى:] پەي ئادەم.

پېيىدە بولماق

  • پېيىدە بولماق [يەشمىسى:] بىرەر ئىش ۋە مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇ ئىشنىڭ كويىغا كىرمەك : [مىسال:] ئۆردەك گۆشى يېسەڭ ، غازنىڭ پېيىدە بول (ماقال) .

پېيىدە يۈرمەك

  • پېيىدە يۈرمەك[يەشمىسى:] «پېيىدە بولماق»قا قاراڭ:[يەشمىسى:] مەن ئۇنىڭ چىرايلىق ھۆسنى-جامالىدىن كۆرە ئەنە شۇ پۇلىغا كۆزۈم چۈشكەنلىكتىن ئۇنىڭ پېيىدە يۈردۈم.

پېيىگە چۈشمەك

  • پېيىگە چۈشمەك[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ۋە مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇ ئىشنىڭ غېمىدە بولۇپ ئۇنىڭ كەينىگە كىرمەك، شۇ يولدا ھەرىكەت قىلماق:[يەشمىسى:] شۇڭا ئۇ زور ئىشەنچ بىلەن كەپتەرنى مارىغان مۈشۈكتەك قۇندۇزنىڭ پېيىگە چۈشتى.

پېيىگە كىرمەك

  • پېيىگە كىرمەك[يەشمىسى:] «پېيىگە چۈشمەك»كە قاراڭ.

پېيىنى قىرقىماق

  • پېيىنى قىرقىماق[يەشمىسى:] باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلماق، قەست قىلماق:[يەشمىسى:] ئۇنىڭ بۇ سىرلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىغاندا، ئۇ جەزمەن بىراۋنىڭ پېيىنى قىرقىماقچى.

پەيⅢ

  • پەيⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئارمىيە قۇرۇلمىسىنىڭ شتات بىرلىكى، ئۇ ليەندىن تۆۋەن، بەندىن يۇقىرى بولىدۇ.

پەيت

  • پەيت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مۇئەييەن ۋاقىت؛ پۇرسەت:[يەشمىسى:] پەيت كۈتمەك.[يەشمىسى:] ② دەۋر، زامان، مەزگىل، مەۋسۇم:[يەشمىسى:] جىددىي پەيت. ھالقىلىق پەيت. * بىز تازا گۈل تېرىيدىغان پەيتتە قورۇيىمىزنى تۇتاش گۈلزارلىققا ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلدۇق.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇلايلىق پۇرسەت، ئىمكانىيەت:[يەشمىسى:] پەيت تاپماق. پەيتنى قولغا كەلتۈرمەك.

پەيتۇن

  • پەيتۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كۆتۈرمە سايىۋەنلىك قىلىپ ياسالغان تۆت چاقلىق ھارۋا.

پەيتىدە

  • پەيتىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مۇئەييەن ۋاقىت، مەزگىل، شارائىت، پۇرسەتتە:[يەشمىسى:] مانا شۇنداق جىددىي ئىش پەيتىدە ئىشچىلار بۇ يەرگە يىغىلىپ يېڭىدىن كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلىغاندەك بولدى.

پەيجاڭ

  • پەيجاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئارمىيىنىڭ ئاساسىي قاتلىمىدا بىر ئەترەت جەڭچىگە رەھبەرلىك قىلغۇچى شەخس ۋە شۇ شەخسكە بېرىلگەن ھەربىي ئەمەل نامى.

پەيجەمبى

  • پەيجەمبى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تامبال.

پەيجۇ

  • پەيجۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>سودا<[يەشمىسى:] ① ماشىنا (ئاپتوموبىل)، ھارۋىلارنىڭ قاتنىشى ئۈچۈن ھۆكۈمەتتىن تارقىتىپ بېرىلگەن ھۆججەت؛ نومۇرلۇق تاختا، قاتناش گۇۋاھنامىسى.[يەشمىسى:] ② كونا جەمئىيەتتە تىجارەتچى سودىگەرلەر ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرەپتىن تارقىتىپ بېرىلىدىغان رۇخسەت خېتى؛ تىجارەت كىنىشكىسى.

پەيچۇسو

  • پەيچۇسو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] «ساقچىخانا»غا قاراڭ.

پەيدا

  • پەيدا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھاسىل، مەۋجۇت:[يەشمىسى:] پەيدا بولماق. پەيدا قىلماق.

پەيدا بولماق

  • پەيدا بولماق[يەشمىسى:] ① بارلىققا كەلمەك، يارىتىلماق:[يەشمىسى:] خىزىر قارىسا سازلىقنىڭ ئورنىدا كاتتا بىر شەھەر پەيدا بولۇپ قاپتۇ.[يەشمىسى:] ② كېلىپ قالماق، ھازىر بولماق:[يەشمىسى:] يادىكار كوچىغا چىقىپ ئازراق ماڭغاندىن كېيىن، نەدىندۇر يەنە قادىر پەيدا بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ③ ھاسىل بولماق، سادىر بولماق:[يەشمىسى:] جېدەل-ماجىرا پەيدا بولماق.[يەشمىسى:] ④ كۆرۈنمەك، نامايان بولماق، ئەكس ئەتمەك:[يەشمىسى:] بۈگۈن تۇرسۇن مۇئەللىم سۆزلەۋاتقاندا، سەلەيئاخۇن ئۇستامنىڭ چىرايىدا ئاڭلىغانسېرى ئاڭلىغۇسى كېلىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارەتلىرى پەيدا بولدى.

پەيدا قىلماق

  • پەيدا قىلماق[يەشمىسى:] ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەك، بارلىققا كەلتۈرمەك، كەلتۈرۈپ چىقارماق، سادىر قىلماق:[يەشمىسى:] دېلو پەيدا قىلماق.

پەيدىنپەي

  • پەيدىنپەي[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كەينى-كەينىدىن، ئارقا-ئارقىدىن؛ بىر-بىرلەپ، ئۈزلۈكسىز:[يەشمىسى:] ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلارنى زور كۈچ بىلەن تەقدىرلەپ، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى پەيدىنپەي تىكلىۋېلىشىمىز لازىم.

پەيز

  • پەيز[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان، زوق-شوق بېغىشلايدىغان، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان خۇسۇسىيەت، ئالاھىدىلىك:[يەشمىسى:] پەيزىڭ بار يىگىت، دېدى توختىكام نىجات دۇتارنى توختاتقاندىن كېيىن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گۈزەل، چىرايلىق، ياخشى:[يەشمىسى:] ئۇ: چاپسانراق بولساڭچۇ، ئاداش، بۇ قالتىس پەيز يەر ئىكەن، بىنا بىلەن قوشۇپ بىرنى تارتقىنا، دەپ يەھيانى ئالدىراتتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۇزۇر، راھەت:[يەشمىسى:] ئۇ ناخشىنىڭ ئاخىرىدىكى «ئامان بول، مىڭ-مىڭ ياشا» دېگەن جۈملىنى شۇنداق كېلىشتۈرۈپ ئېيتتىكى، ئۇنىڭ پەيزىدىن ئۆزىمۇ ھەيران قالدى.

پەيزسىز

  • پەيزسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەيزى يوق، كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلالمايدىغان:[يەشمىسى:] ئاخشامقى ئولتۇرۇش تازا بىر پەيزسىز ئولتۇرۇش بولدى-دە.

پەيزلىك

  • پەيزلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەيزى بار، كىشىنى جەلپ قىلالايدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە.

پەيسىز

  • پەيسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پېيى يوق.

پەيسىمان

  • پەيسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەيگە ئوخشايدىغان، پەي شەكىللىك:[يەشمىسى:] پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق.

پەيشەنبە

  • پەيشەنبە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھەپتىنىڭ چارشەنبىدىن كېيىن جۈمەدىن ئىلگىرى كېلىدىغان تۆتىنچى كۈنى.

پەيشەنبە بازار

  • پەيشەنبە بازار[يەشمىسى:] ① ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاھالىلارنىڭ توپلىشىپ سودا-سېتىق قىلىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن كۈن.[يەشمىسى:] ② پەيشەنبە كۈنى بازا بولىدىغان شۇ جاينىڭ نامى:[يەشمىسى:] بىز پەيشەمبە بازاردىن ئۆتكەن چاغدا كۈن ئولتۇردى.

پەيشەنبىلىك

  • پەيشەنبىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] دىنىي مەكتەپلەردە پەيشەنبە كۈنى بالىلار موللامغا ئاتاپ ئېلىپ بارىدىغان پۇل ۋە ماددىي نەرسىلەر؛ ئوقۇش پۇلى، ئوقۇتۇش ھەققى:[يەشمىسى:] پەيشەنبىلىك بەرمەك.

پەيغەمبەر

  • پەيغەمبەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىنىي ئېتىقاد بويىچە ئاللانىڭ ئىرادىسى ۋە ئەمر-پەرمانلىرىنى بەندىلەرگە يەتكۈزگۈچى ئىلاھى ۋەكىل؛ نەبى.

پەيغەمبەرلەرچە

  • پەيغەمبەرلەرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پەيغەمبەرگە خاس خۇسۇسىيەت بىلەن، پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش:[يەشمىسى:] پەيغەمبەرلەرچە ئالدىن كۆرەرلىك.

پەيغەمبەرلىك

  • پەيغەمبەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەيغەمبەرلەردە بولىدىغان خىسلەت، ئالاھىدىلىك.

پەيقۇ

  • پەيقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ياستۇق.

پەيل

  • پەيل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشى خاراكتېرىنى، خۇلقىنى ئىپادىلەيدىغان روھى خۇسۇسىيەتلەر. ئەلپاز، تۇرق:[يەشمىسى:] «تەلەپمۇ قىل، سەۋەبمۇ قىل» دەپتىكەن، ھاكىمنىڭ پەيلىدىن ئەزرائىلمۇ قورقىدۇ.[يەشمىسى:] ② كىشىنىڭ مەلۇم پەيتتىكى روھىي ھالىتى، كەيپىياتى، مىجەز، خۇلق، قىلىق، خۇي:[يەشمىسى:] ئۇنىڭ ساراڭ كالىدىن بەتتەر يامان پەيلى ئاستا-ئاستا نامايان بولۇشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ③ مۇراد، مەقسەت، نىيەت:[يەشمىسى:] پەيلى ياماننىڭ خۇيى يامان (ماقال).

پەيلاسوپ

  • پەيلاسوپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① پەلسەپە ئالىمى، مۇتەخەسسىسى؛ پەلسەپە بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دانالارچە مۇھاكىمە يۈرگۈزىدىغان كىشى:[يەشمىسى:] ئۇ بۈگۈن كىشىنى ھاڭتاڭ قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە پەيلاسوپ بولۇپ كەتكەنىدى.

پەيلاسوپلۇق

  • پەيلاسوپلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەلسەپىۋى ئالاھىدىلىك.

پەيلىك

  • پەيلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پېيى بار، پەيلىرى كۆپ:[يەشمىسى:] سايراپ ھارماس كۆكتالغۇ، كۆكۈچ پەيلىك مۇلايىم. مامۇق پەيدىن ئازغانغا، ئۇۋا سالار ھەر دائىم.

پەيمان

  • پەيمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] بىرەر مەقسەت، نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان سۆز؛ قەسەم، ئەھدە، ۋەدە:[يەشمىسى:] پەيمان ئەيلىمەك. پەيمان قىلماق. * ئاجرىماي كەلدۇق ئىككىيلەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، دوست بولۇپ پەيمانغا سادىق، چىن ۋاپادار ئى قەلەم

پەيمانە

  • پەيمانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قەدەھ، شاراب قاچىسى، پىيالە:[يەشمىسى:] چېچەكلەر بەرگىدە شەبنەم قۇياشتا يالتىرار ھەر دەم، ئېچىلغان گۈل، قىزىل مەيگە تولۇر پەيمانە-پەيمانە.

پەيمانىسى توشماق

  • پەيمانىسى توشماق[يەشمىسى:] زاۋالغا يۈز تۇتماق، كۈنى ئاخىرلاشماق:[يەشمىسى:] ئاخىرى ئۇ ئوغرىنىڭمۇ پەيمانىسى توشۇپتۇ-دە.

پەينەۋرە

  • پەينەۋرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوغلى ياكى قىزىنىڭ بالىسىنىڭ بالىسى؛ تۆتىنچى ئەۋلاد، ئەۋرە.

پەينەۋرىلىك

  • پەينەۋرىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەينەۋرىسى بار، پەينەۋرە كۆرگەن:[يەشمىسى:] پەينەۋرىلىك ئادەم.

پتېروكارىيە

  • پتېروكارىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ياڭاق ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ياغىچىدىن سەرەڭگە تېلى ۋە ئۆي جاھازلىرىنى ياساشقا، قوۋزاق تالاسىدىن ئارغامچا ئېشىشكە، ئۇرۇقىدىن ياغ چىقىرىشقا، يوپۇرمىقىدىن دېھقانچىلىق دورىسى ئېلىشقا، كۆچىتىنى ياڭاقنىڭ ئۇلاق تۈپى قىلىشقا بولىدۇ.

پراكتىكا

  • پراكتىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] خىزمەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆگەنگەن نەزەرىيىۋى بىلىمنى ئەمەلىي خىزمەتتە ئىشلىتىش ۋە سىناس جەريانى:[يەشمىسى:] پراكتىكا قىلماق. پراكتىكا جەريانى.

پراكتىكانت

  • پراكتىكانت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] پراكتىكا قىلىۋاتقان:[يەشمىسى:] پراكتىكانت ئوقۇغۇچى. پراكتىكانت دوختۇر.

پراگماتىزم

  • پراگماتىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان بۇرژۇئا پەلسەپىسىدىكى سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزملىق ئىدىيىۋى ئېقىم، ئامېرىكىدا مەيدانغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى دۇنيانىڭ ماددىيلىقىنى، ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتىپلىقىنى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت.

پراۋا

  • پراۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئاپتوموبىل ماشىنا، موتسىكىلىت قاتارلىق ھەر خىل ماتورلۇق قاتناش قوراللىرىنى ھەيدەش ھوقۇقى بېرىلگەن گۇۋاھنامە:[يەشمىسى:] شوپۇرلۇق پراۋىسى.

پروبىركا

  • پروبىركا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] لابوراتورىيە ئىشلىرىدا قوللىنىدىغان بىر تەرىپى پۈتۈك نەيچىسىمان شېشە.

پروپورتسىيە

  • پروپورتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ① ئىككى نىسبەتنىڭ تەڭلىكى؛ تاناسىپ:[مىسال:] تەتۈر پروپورتسىيە. ئوڭ پروپورتسىيە.[يەشمىسى:] ② قىسىملارنىڭ، ئۆلچەملەرنىڭ ئۆز ئارا نىسبىتى، ئومۇمەن نەرسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مىقدارىي مۇناسىۋەت.

پروپورتسىيىلىك

  • پروپورتسىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەڭ نىسبەتلىك، نىسبەتلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە، نىسبەتلەشكەن؛ تاناسىپلىق:[يەشمىسى:] پروپورتسىيىلىك تەڭلىمە. پروپورتسىيىلىك فورمۇلا.

پروتاكتىنىي

  • پروتاكتىنىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] رادىئوئاكتىپلىق مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى(Prtactinium)Pa. ئاق كۈل رەڭ بولۇپ پارقىرايدۇ. ئۇ ئەڭ تۇراقلىق ئىزاتوپ ھېسابلىنىدۇ؛ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى تەخمىنەن ئوتتۇز ئىككى مىڭ يىل.

پروتوپلازما

  • پروتوپلازما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھۈجەيرىنىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە تەركىبىي قىسمى. ئۇ ھاياتنىڭ ماددىي ئاساسى بولۇپ ئاقسىل، يادرو كىسلاتاسى، ماي، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ئانئورگانىك تۇز، سۇ قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ.

پروتوزوئا

  • پروتوزوئا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە+گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئەڭ ئىپتىدائىي، ئەڭ ئاددىي ھايۋانلار. سۇدا ياكى باشقا جانلىقلارنىڭ تېنى ئىچىدە ياشايدۇ، ھەممىسى دېگۈدەك بىر ھۈجەيرىلىك ھايۋانلاردۇر، بەزىلىرى كۆپ ساندىكى يەككە تەنلەرنىڭ بىرلىشىشى ئارقىلىق توپلىشىپ ياشايدۇ.

پروتون

  • پروتون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاتوم يادروسىنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي زەررىچىلەرنىڭ بىرى، مۇسبەت زەرەتلىك، ئۇنىڭ زەرەت مىقدارى ئېلېكتروننىڭ 5.1836 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. ھەر خىل ئاتوملارنىڭ تەركىبىدىكى پروتونلار سانى ئوخشاش بولمايدۇ.

پروتېئازا

  • پروتېئازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، ئاساسەن ھايۋانلار تېنىدە بولىدۇ. تۈرى كۆپ بولۇپ، ئاشقازان، ئۈچەي، ئاشقازان ئاستى بېزى قاتارلىق ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىدە بار. ئۇنىڭ رولى مۇرەككەپ ئاقسىلنى پارچىلاپ، ئاددىي، ئاسان قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ئامىنو كىسلاتاسىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

پروتىي

  • پروتىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ھىدروگېن ئىزاتوپلىرىنىڭ بىرى. بەلگىسى (Protium)H1. ماسسا سانى 1. ئۇنىڭ ئاتومى بىر دانە پروتون بىلەن بىردانە ئېلېكتروندىن تەركىب تاپقان. ئۇ ھىدروگېننىڭ مۇھىم تەركىبى بولۇپ، ئادەتتىكى ھىدروگېندا 98.99 پىرسەنت پروتىي بولىدۇ.

پروزا

  • پروزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] نەسر بىلەن يېزىلغان بەدىئىي ئەسەر (ھېكايە، ئوچېرك، پوۋېست، رومان قاتارلىقلار).

پروزىچىلىق

  • پروزىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پروزا يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى، كەسپى.

پروفېسسور

  • پروفېسسور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] ئالىي مەكتەپلەردىكى ئالىي دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان ئالغان ئوقۇتقۇچى.

پروفېسسورلۇق

  • پروفېسسورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پروفېسسورغا يۈكلەنگەن ئىش، ۋەزىپە ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۇنۋان:[يەشمىسى:] پروفېسسورلۇق قىلماق. پروفېسسورلۇققا تەيىنلەنمەك.

پروكات

  • پروكات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئىككى ئايلانما غالتەكسىمان ئوق ئارىسىدىن سىقىپ ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەر خىل شەكىللەرگە كەلتۈرۈلگەن دېتال، مەھسۇلات.

پروكاتلىماق

  • پروكاتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مېخانىكا ئۇسۇل بىلەن پروكات ھالەتكە كەلتۈرمەك:[يەشمىسى:] پروكاتلاپ چىقماق.

پروكائىن

  • پروكائىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] دورا ئىسمى، ئورگانىك خىمىيىۋى بىرىكمە، خىمىيىلىك فورمۇلىسىC31H02O2H2 . ئاق رەڭلىك يىڭنىسىمان كرىستال ياكى كرىستاللىق پاراشوك؛ تەمى قىرتاق، زەھەرلىك خۇسۇسىيىتى ئاجىزراق؛ بەزىدە ھوشسىزلاندۇرۇش دورىسى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

پروگرامما

  • پروگرامما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① قىلىنىدىغان ئىش-ھەرىكەتنىڭ پىلانى.[يەشمىسى:] ② سىياسىي پارتىيە، ھۆكۈمەت، جامائەت تەشكىلاتى ياكى ئايرىم دۆلەت، جامائەت ئەربابلىرىنىڭ دۇنيا قاراشلىرى، ۋەزىپە ۋە مەقسەتلىرى بايان قىلىنغان ھۆججەت.[يەشمىسى:] ③ رادىئو، تېلېۋىزىيە، كونسېرت، تىياتىر، سېرىك قاتارلىقلارنىڭ مەزمۇنى، ئۇنى ئورۇندىغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېلان، چۈشەندۈرمە:[يەشمىسى:] ئاڭلىتىش پروگراممىسى.[يەشمىسى:] ④ مەكتەپ ۋە بىلىم يۇرتلىرىدىكى ئۆتۈلىدىغان دەرس ياكى ئوقۇتۇشنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:[يەشمىسى:] ئوقۇتۇش پروگراممىسى. تىل دەرسلىكى پروگراممىسى.

پروگراممىلىق

  • پروگراممىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پروگراممىسى بار، پروگراممىغا ئىگە:[يەشمىسى:] پروگراممىلىق ھەرىكەت.

پروگرېسسىيە

  • پروگرېسسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ھەربىرى ئالدىنقى سانغا بەلگىلىك ساننى قوشۇش ياكى كۆپەيتىش نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان سانلار تەرتىپى:[يەشمىسى:] گېئومېتىرىيىلىك پروگرېسسىيە. ئالگېبرالىق پروگرېسسىيە.

پرولېتار

  • پرولېتار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىدىن مەھرۇم بولغان ياللانما ئىشچى، يوقسۇل.

پرولېتارىيات

  • پرولېتارىيات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىدىن مەھرۇم بولغان ياللانما ئىشچىلار سىنىپى:[يەشمىسى:] پرولېتارلار سىنىپى.

پرولېتارىياتلىق

  • پرولېتارىياتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پرولېتارىياتقا خاس، پرولېتارىياتقا مەنسۇپ، پرولېتارىياتقا تەئەللۇق:[يەشمىسى:] پرولېتارىياتلىق ئەخلاق.

پرومېتىي

  • پرومېتىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] رادىئوئاكتىپلىق مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسىPm (Promethium). ئۇراننىڭ يىمىرىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى 64.2 يىل، پرومېتىينىڭ نۇرى فوسفورنى نۇرلاندۇرىدۇ. ئۇ يالتىراق پاراشوك ۋە پاراخوت ماياكى ياساشتا قوللىنىلىدۇ.

پرويېكتور

  • پرويېكتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] يورۇقلۇقتىن پايدىلىنىپ دېتاللارنىڭ پرويېكسىيىسىنى ئېكرانغا چوڭايتىپ چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى، بۇلۇڭ گرادۇسى ۋە شەكلى قاتارلىقلارنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈشتە ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئۆلچەش ئەسۋابى.

پرويېكسىيە

  • پرويېكسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ① يورۇقلۇق تەسىرىدە بىر جىسىمنىڭ باشقا بىر جىسىم يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن كۆلەڭگىسى؛ ئەكسى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بىر نۇقتىدىن بىر تۈز سىزىققا ياكى بىر تەكشىلىككە تىك ئۆتۈزۈلگەندە ئىگە بولغان تىك ئاساسىي نۇقتىنڭ ئاشۇ تۈز سىزىق ياكى تەكشىلىكتىكى پرويېكسىيىسى دېيىلىدۇ؛ بىر كېسىك ئۈستىدىكى ھەرقايسى نۇقتىلارنىڭ بىر تۈز سىزىق ياكى بىر تەكشىلىكتىكى پرويېكسىيىلىرىنى تۇتاشتۇرغۇچى سىزىق، بۇ كېسىكنىڭ ئاشۇ تۈز سىزىق ياكى تەكشىلىكتىكى پرويېكسىيىسى بولىدۇ.

پرېزىدېنت

  • پرېزىدېنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] رېسپۇبلىكا تۈزۈمىدە ئىدارە قىلىنىدىغان بەزى مەملىكەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقى؛ رەئىسى.

پرېس

  • پرېس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ماتېرىياللارنى ماشىنا ياكى باشقا بەلگىلىك ئېغىرلىقتىكى نەرسىلەر بىلەن بېسىش، قىسىش.

پرېستان

  • پرېستان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] كېمە، پاراخوت توختايدىغان جاي؛ پورت.

پرېسلاتماق

  • پرېسلاتماق[يەشمىسى:] «پرېسلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پرېسلاشماق

  • پرېسلاشماق[يەشمىسى:] «پرېسلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پرېسلانماق

  • پرېسلانماق[يەشمىسى:] «پرېسلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[يەشمىسى:] ھاشىم بەگكە ئەتىدىن كەچكىچە پرېسلانغان پاختا قاپلىرىنى كۆتۈرۈش بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈش ھەقىقەتەن ھاقارەتلىك ئىش بولۇپ تۇيۇلىدۇ.

پرېسلىماق

  • پرېسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پرېس بىلەن باسماق، پرېس بىلەن بېسىپ، سىغداپ تەخلىمەك.

پرىتسېپ

  • پرىتسېپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] پاراۋۇز ياكى ئاپتوموبىلغا چېتىلىدىغان، ئۆزىدە ھەرىكەتلەندۈرۈش قۇرۇلمىلىرى بولمايدىغان قاتناش قوراللىرى؛ كوزۇپ، ۋاگون.

پرىتسېل

  • پرىتسېل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] مىلتىق، زەمبىرەكلەرنىڭ قارىغا ئېلىش قىسمى. نىشاننىڭ ئارىلىقىغا قاراپ پرىتسېلىنى تەڭشىگەندە دەل تەگكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

پرىدىن

  • پرىدىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، مولېكۇلا فورمۇلىسى. C5 H5 Nرەڭسىز، سېسىق پۇراقلىق سۇيۇقلۇق، ئېرىتكۈچى ۋە خىمىيىلىك تەجرىبە دورىسى قىلىنىدۇ.

پرىزما

  • پرىزما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ① كۆپ تەرەپلىكلەرنىڭ بىر خىلى. ئىككى ئاساسىي پاراللېل بولغان تەڭ كۆپ تەرەپلىكتىن، يان ياقلىرى پاراللېل تۆت تەرەپلىكتىن ئىبارەت بولىدۇ؛ ھەجمى ئاساسىنىڭ يۈزىنى ئېگىزلىكىگە كۆپەيتكەنگە تەڭ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] خۇددى شۇنداق شەكىلگە ئىگە بولغان ۋە سۈزۈك جىسىمدىن ياسالغان ئوپتىك ئەسۋاب. ئۇ نۇرنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش، مۇرەككەپ نۇرنى سپېكترغا ئاجرىتىشتا ئىشلىتىلىدۇ.

پرىمىدىن

  • پرىمىدىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، مولېكۇلا فورمۇلىسى .C4 H4 N2 رەڭسىز كرىستال، غىدىقلىغۇچى پۇراققا ئىگە، خىمىيىۋى دورا ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.

پرىنسىپ

  • پرىنسىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قانۇن، نىزام:[يەشمىسى:] پرىنسىپتا چىڭ تۇرماق. پرىنسىپ بويىچە ئىش قىلماق.

پرىنسىپال

  • پرىنسىپال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① پرىنسىپتىن كېلىپ چىقىدىغان، پرىنسىپقا ياتىدىغان، ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان؛ مۇھىم، جىددىي:[يەشمىسى:] پرىنسىپال مەسىلە. پرىنسىپال كۈرەش.[يەشمىسى:] ② پرىنسىپقا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان، پرىنسىپتا چىڭ تۇرىدىغان:[يەشمىسى:] پرىنسىپال بولماق. پرىنسىپال ئادەم.

پرىنسىپاللىق

  • پرىنسىپاللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش.

پرىنسىپسىز

  • پرىنسىپسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر پىكىردە چىڭ تۇرالمايدىغان؛ پرىنسىپنى كېرەك قىلمايدىغان، مەيدانسىز:[يەشمىسى:] پرىنسىپسىز ئادەم.

پرىنسىپسىزلىق

  • پرىنسىپسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر پىكىردە چىڭ تۇرالماسلىق، مەيدانسىزلىق:[يەشمىسى:] پرىنسىپسىزلىق قىلماق.پ

پرىنسىپلىق

  • پرىنسىپلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پرىنسىپى بولغىنسىپقا ياتىدىغان:[يەشمىسى:] پرىنسىپلىق مەسىلە. پرىنسىپلىق پەرق.

پسىخولوگ

  • پسىخولوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پسىخولوگىيە<[يەشمىسى:] ① پسىخولوگىيە ئالىمى، پسىخولوگىيە مۇتەخەسسىسى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىنىڭ پسىخولوگىيىسى، مىجەز-خۇلقى، روھىي ھالىتىنى ياخشى بىلىدىغان، شۇنىڭغا قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان سەزگۈر ئادەم.

پسىخولوگىيە

  • پسىخولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① پسىخىكىلىق ھادىسىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ تەتقىقات دائىرىسى ۋە تەتقىقات ۋەزىپىسىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا قاراپ ئومۇمىي پسىخولوگىيە، بالىلار پسىخولوگىيىسى، مائارىپ پسىخولوگىيىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.[يەشمىسى:] ② كىشىنىڭ ئىچكى دۇنياسى، روھىي ھالىتى.

پسىخولوگىيىلىك

  • پسىخولوگىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پسىخولوگىيىگە ئائىت، پسىخولوگىيىگە دائىر:[مىسال:] پسىخولوگىيىلىك ھادىسە. پسىخولوگىيىلىك خۇسۇسىيەت.

پسىخىكا

  • پسىخىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئوبيېكتىپ ۋەقەلىكنىڭ ئاڭغا تەسىر قىلىشىدىن ھاسىل بولغان روھىي ھالەت.

پسىخىكىلىق

  • پسىخىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پسىخىكىغا دائىر، پسىخىكىغا ئائىت:[مىسال:] پسىخىكىلىق تەجرىبە. پسىخىكىلىق ھادىسە.

پلاتىنا

  • پلاتىنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىسپانچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى. (Platinum)Pt كۈمۈشتەك ئاق، پارقىرايدۇ، سوزۇلىدۇ؛ توك ۋە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش خۇسۇسىيىتى ياخشى، خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن تېگىل ۋە ئېلېكتر قۇتۇپى ياساشقا بولىدۇ؛ ئۇنى يەنە كاتالىزاتور قىلىشقا بولىدۇ.

پلازما

  • پلازما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىزم ئىچىدىكى شىللىق پەردە تەرىپىدىن ئاجرىلىپ چىققان بىر خىل سۇيۇقلۇق. ئۇ رەڭسىز ۋە سۈزۈك بولۇپ، سىلىقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] مۇسبەت ئىئون ۋە ئىئونلاشقان ئېلېكترونلاردىن تەركىب تاپقان جىسىم، شۇنىڭدەك ماددىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئىئونلاشقان ھالىتى.

پلازمېت

  • پلازمېت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ستوپلازما ئىچىدىكى ئۆزلۈكىدىن كۆپىيەلەيدىغان بىر خىل تۈزۈلۈش. مەسىلەن: خونىدرىئوسوم.

پلاستىنكا

  • پلاستىنكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① پاتېفون تەخسىسى.[يەشمىسى:] ② نېپىز تاختىسىمان مېتال، سۇلياۋ.

پلاكات

  • پلاكات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] تەشۋىقات، ئاخبارات ئىشلىرىنى كەڭ ئاممىغا بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن قىسقا تېكىستلىك قىلىپ يېزىپ چاپلانغان، ئېسىلغان چاقىرىق، شوئار ياكى شوئارلار يېزىلغان رەخت، تاختا:[مىسال:] پلاكات ئاسماق. پلاكات چاپلىماق. پلاكات كۆتۈرمەك.

پلاكاتچى

  • پلاكاتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پلاكات كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان كىشى.

پلانېتا

  • پلانېتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىپ تۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن چۈشكەن يورۇقلۇقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئاسمان جىسىملىرى؛ سەييارە.

پلانېر

  • پلانېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ھەرىكەتلەندۈرگۈچى قۇرۇلمىلىرى يوق، تۈزۈلۈشى ئاددىي ۋە يېنىك بولغان بىر خىل ئۇچۇش ئەسۋابى. ئۇنىڭ قانىتى بولىدۇ، ئۇچۇش مەشىقى ۋە ئاۋىئاتسىيە تەنھەرىكەتلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ؛ ئادەتتە ئايروپىلان، ئاپتوموبىل ياكى ئېلاستىك ئارقانلار ئارقىلىق يەردىن كۆتۈرۈلىدۇ ۋە يۇقىرى ئۆرلىگەن ھاۋا ئېقىمىدىن پايدىلىنىپ بوشلۇقتا لەيلەپ ئۇچىدۇ.

پلانېرچى

  • پلانېرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پلانېر ئۇچۇرىدىغان، پلانېر ھەيدەيدىغان كىشى.

پلانىمېتىرىيە

  • پلانىمېتىرىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە+گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ماتېماتىكىنىڭ بىر تارمىقى. ئۇ تەكشىلىكتىكى گېئومېتىرىيلىك شەكىللەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى (كۆرۈنۈشى، چوڭ-كىچىكلىكى، ئورنى قاتارلىقلار)نى تەتقىق قىلىدۇ.

پلائۇن

  • پلائۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پلائۇن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ياتما غولى ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن بولۇپ كۆپ يېرىدىن شاخلايدۇ؛ يوپۇرماق شەكلى تەڭگىچىگە ئوخشايدۇ؛ تاغلىق رايونلاردا ئۆسىدۇ.

پلۇتون

  • پلۇتون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ پلانېتىنىڭ بىرى. ئۇ توققۇز پلانېتىنىڭ قۇياشقا بولغان يىراق-يېقىنلىق رەت تەرتىپىدىن سانىغاندا توققۇزىنچى، شۇنىڭدەك قۇياشقا ئەڭ يىراق ۋە ئەڭ كىچىك پلانېتا ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قۇياشنى ئايلىنىش ئومۇمىي دەۋرىي 248 يىل؛ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃ 220؛ بىر دانە سەييارە يەنە ئۇنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ.

پلۇتونىي

  • پلۇتونىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] رادىئوئاكتىپلىق ئېلېمېنت. بەلگىسى.(Plutonium)Pu سۇس كۆك رەڭدە پارقىرايدۇ، ھاۋادا ئوڭاي ئوكسىدلىنىدۇ. ھازىرغىچە ئۇنىڭ 12 خىل ئىزاتوپى بايقالدى، يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى ئەڭ ئۇزۇن بولغانلىرىنىڭ 500 مىڭ يىل، خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى ئۇران بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇ ئاتوم بومبىسى ياساشنىڭ مۇھىم ماتېرىياللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

پليونكا

  • پليونكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گۈزەل سەنئەت<[يەشمىسى:] يورۇقلۇق سەزگۈچى دورا سۈرتۈلگەن يالتىراق لېنتا. ئادەتتە فوتو سۈرەت ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ.

پوⅠ

  • پوⅠ[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل قورال:[مىسال:] چېرىكلەر بىرنەچچە بۆلەككە بۆلۈنۈپ، ئاۋۋال پو ئاتقۇچى چېرىكلەرگە يول بەردى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئارتۇقچە مۇبالىغەقىلىدىغان؛ ئاشۇرۇلغان؛ قۇرۇق، يالغان (گەپ-سۆز ھەققىدە):[مىسال:] ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى پو.

پو ئاتماق

  • پو ئاتماق[يەشمىسى:] چوڭ گەپ قىلماق، يوغان سۆزلىمەك، پاختا ئاتماق، مۇبالىغە قىلماق.

پوⅡ

  • پوⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھور، پار، بۇس.

پوپ

  • پوپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] كاتولىك دىنى ۋە پراۋۇسلاۋىيە دىنىنىڭ روھانىيسى، ئادەتتە بىرەر چېركاۋغا باشچىلىق قىلىدۇ.

پوپاي

  • پوپاي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سېمىز، پاكار.

پوپايكا

  • پوپايكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>كىيىم-كېچەك<[يەشمىسى:] ھەر خىل يۇڭ يىپ ۋە سۈنئىي تالالىق يىپلاردىن توقۇلىدىغان ئۈست كىيىم.

پوپايكىسىز

  • پوپايكىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پوپايكا كىيمىگەن:[مىسال:] پوپايكىسىز تالاغا چىقماق.

پوپايكىلىق

  • پوپايكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پوپايكىسى بار، پوپايكا كىيگەن:[مىسال:] يېشىل پوپايكىلىق بىر قىز دېرىزىدىن قارىدى.[يەشمىسى:] ② پوپايكا توقۇشقا يېتىدىغان، پوپايكا توقۇشقا لايىق كېلىدىغان:[مىسال:] پوپايكىلىق يىپ. پوپايكىلىق يۇڭ.

پوپكا

  • پوپكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەرسلىك ماتېرىيال ۋە شۇ خىلدىكى نەرسىلەرنى سالىدىغان سومكا.

پوپكىسىز

  • پوپكىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پوپكا ئاسماي، پوپكا ئالماي:[مىسال:] پوپكىسىز قانداق مەكتەپكە بارىسەن

پوپكىلىق

  • پوپكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پوپكىسى بار، پوپكا ئاسقان:[مىسال:] پوپكىلىق ئادەم.

پوپوزا

  • پوپوزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەھدىت، ھەيۋە:[مىسال:] پوپوزا قىلماق. * مانا ئەمدى ھەسەن ئاكامنىڭ بىر پوپوزىسى بىلەن ئاپتوموبىللار قوڭغۇزدەك ئۇ ياق، بۇ ياققا قىمىرلىشىپ يولنى بىكارلىغىلى تۇردى.

پوپوزىچى

  • پوپوزىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەھدىت سالغۇچى، ھەيۋە قىلغۇچى:[مىسال:] ئۇ پوپوزىچىلارنىڭ تانابىنى تارتىپ قويغاچقا، ئۇنىڭدىن ھەممە تەپ تارتىشاتتى.

پوپۇچ

  • پوپۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئاياغ كىيىمى.

پوپىلىماق

  • پوپىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دەسسەپ چىڭدىماق، باسماقدىماق، نىختىماق.

پوتا

  • پوتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بەلگە باغلىنىدىغان رەخت؛ بەلۋاغ:[مىسال:] پوتا باغلىماق. * يېتىمنىڭ ئاتىسى يوق، بېلىدە پوتىسى يوق (ماقال).

پوتا سالماق

  • پوتا سالماق[يەشمىسى:] مەشرەپ ئويۇنلىرىدا بىر-بىرىگە پوتا سونۇپ ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلماق.

پوتا ئويۇنى

  • پوتا ئويۇنى[يەشمىسى:] ① مەشرەپلەردە ئەر-ئاياللار بىر-بىرىنى ئۇسسۇلغا تارتىشتا پوتا تاشلاش ئارقىلىق ئوينىلىدىغان بىر خىل ئويۇن:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ ئوينىغان ئۇسسۇلى بىلەن پوتا ئويۇنىدا ئېيتقان بېيىتلىرىگە قاراپ كۆيۈپتىمەن.[يەشمىسى:] ② بالىلارنىڭ چەمبەر شەكلىدە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ بىرىنىڭ ئارقىسىغا سەزدۈرمەي پوتا تاشلاپ قويۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدىغان بىر خىل ئويۇنى.

پوتال

  • پوتال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەر خىل ئەسۋابلارنى زىننەتلەش، پەردازلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان زىننەت بۇيۇمى؛ ھەل.

پوتاللىق

  • پوتاللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پوتىلى بار، پوتال بىلەن زىننەتلەنگەن، پوتال بېرىلگەن.

پوتەي

  • پوتەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ① ئۇرۇشتا قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قارشى تەرەپكە ئوق چىقىرىش مەقسىتىدە ياسالغان مۇنار شەكلىدىكى قۇرۇلۇش.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى؛ بىر پوتەي ئون چاقىرىمغا تەڭ، يەنى بەش كىلومېتىرغا تەڭ كېلىدۇ.

پوتلا

  • پوتلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بۇرۇندىن ئاققان شىلىمسىمان سۇيۇقلۇق؛ ماڭقا:[مىسال:] پوتلىسىنى ئادالىماق.[يەشمىسى:] ② تېرەك، سۆگەت قاتارلىق دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماق چىقىرىشتىن بۇرۇن چىقىدىغان چېچىكى:[مىسال:] دەرەخلەر پوتلا چىقىرىشقا باشلىغان ئەتىياز پەسلى ئىدى.[يەشمىسى:] ③ قارا چىراغ، شام پىلىكلىرىنىڭ كۆيۈپ ياكى چالا كۆيۈپ، پولتىيىپ ساڭگىلىغان قىسمى:[مىسال:] چامغۇرغا ئورنىتىپ قويۇلغان شامنىڭ پوتلىسى ئۆسۈپ، ئىسلاشقان بۇ زەي ئۆينىڭ ئىچى بارغانسېرى قاراڭغۇلاشماقتا.

پوتلىلىق

  • پوتلىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پوتلىسى بار، پوتلا چىقارغان.

پوتلىسىمان

  • پوتلىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پوتلىغا ئوخشايدىغان، پوتلا شەكىللىك: پوتلىسىمان گۈل رېتى.

پوتېنسىئال

  • پوتېنسىئال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر ياكى ماگنىت مەيدانىنىڭ مەلۇم نۇقتىدىكى ھالىتىنى خاراكتېرلەيدىغان مىقدار.

پوتېنسئومېتىر

  • پوتېنسئومېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە+گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئۆزلۈكىدىن تەڭشىگىلى بولىدىغان بېسىم بۆلگۈچتە ئىشلىتىدىغان ئۆزگىرىشچان قارشىلىق. تەركىب تاپقان ماتېرىياللىرى بويىچە «ئوراملىق» ۋە «ئورامسىز» دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.

پوتىلىق

  • پوتىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پوتىسى بار.[يەشمىسى:] ② پوتا ئۈچۈن تەييارلانغان، پوتىغا لايىق:[مىسال:] پوتىلىق رەخت.

پوجاڭزا

  • پوجاڭزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] پارتلىغۇچ دورىنى قەغەزگە ئوراپ، ئۇچىغا ئوت تۇتاشتۇرىدىغان پىلىك بېكىتىپ ياسالغان پارتلاتقۇچ:[مىسال:] پوجاڭزا ئاتماق.

پوچتاⅠ

  • پوچتاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۆلىنىپ ئولتۇرىدىغان تۆت چاقلىق ھارۋا. بۇنداق ھارۋىنىڭ يۆلىنىدىغان يېرىنىڭ ئۈستىدە كۈنلۈكى بولۇپ، ئۇنى لازىم بولغاندا ئېچىپ، لازىم بولمىغاندا يىغىپ قويۇشقا بولىدۇ.

پوچتاⅡ

  • پوچتاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>پولەكچە[[يەشمىسى:] ① پوسۇلكا، ھۆججەت، پۇل ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىپ، كۆرسىتىلگەن كىشى ياكى جايغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئالاقە ئورنى ۋە شۇ ئورۇن جايلاشقان بىنا:[مىسال:] شەھەرلىك پوچتا ئىدارىسى.[يەشمىسى:] ② پوچتىخانىلار تەرىپىدىن تېگىشلىك ئورۇن ياكى شەخسلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان خەت، پۇل، پوسۇلكا قاتارلىق نەرسىلەر:[مىسال:] بۈگۈن پوچتا كەلدى[يەشمىسى:] ③ پوچتىخانا:[مىسال:] مەن بۈگۈن پوچتىغا باردىم.

پوچتا-تېلېگراف

  • پوچتا-تېلېگراف[يەشمىسى:] پوچتا ۋە تېلېگراف.

پوچتىخانا

  • پوچتىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] پوچتا ۋە تېلېگراف ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئىدارە.

پوچتىكەشⅠ

  • پوچتىكەشⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «پوچتا» دېيىلىدىغان ھارۋىنى ھەيدىگۈچى كىشى:[مىسال:] شۇ چاغدا پوچتىكەش ئويناقلاپ تۇرغان ئاتلارنى كەينىگە شوخشىتىپ، پوچتىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى.

پوچتىكەشⅡ

  • پوچتىكەشⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] پوچتىخانىنىڭ خەت-ئالاقە، گېزىت-ژۇرنال قاتارلىق نەرسىلىرىنى توشۇغۇچى خادىمى:[مىسال:] دەرۋازا غىچىلداپ ئېچىلىپ، پوچتىكەش كىرىپ كەلدى.

پوچتىكەشلىكⅠ

  • پوچتىكەشلىكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پوچتا ھەيدەش ئىشى.

پوچتىكەشلىكⅡ

  • پوچتىكەشلىكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پوچتىخانىنىڭ خەت-ئالاقە، گېزىت-ژۇرنال قاتارلىق، نەرسىلىرىنى توشۇش ۋە ئىگىلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىش ئىشى.

پوچېركا

  • پوچېركا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس خەت يېزىش ئۇسلۇبى؛ خەت شەكلى:[مىسال:] مەن ھېلىقىكونۋېرتنى ئېچىپ، ئىچىدىكى خەتكە قاراپلا ئۇنىڭ ئەيسانىڭ پوچېركىسى ئىكەنلىكىنى تونۇدۇم.

پوچىⅠ

  • پوچىⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پو ئاتىدىغان، يوغان گەپ قىلىدىغان، چوڭ سۆزلەيدىغان:[مىسال:] بىزدە پوچىلارمۇ بار، لېكىن مۇنۇ ئەلانۇردەك، سىزدەك، گۈزەلئايدەك نوچىلارمۇ بار، دېدى ئادىلە.

پوچىⅡ

  • پوچىⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كان كولاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچى ئۇچلۇق تىغ بېكىتىلگەن، بازغان شەكىللىك ئەسۋاب.

پوچىلىق

  • پوچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چوڭ سۆزلەيدىغان، پو ئاتىدىغان سۆز-ھەرىكەت:[مىسال:] پوچىلىق قىلماق. پوچىلىق بىلەن ماختانماق.

پوخور

  • پوخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاياللارغا يامان نىيەتتە، ناتوغرا مۇناسىۋەتتە بولىدىغان؛ زىناخور:[مىسال:] ئۇلار: «شەيخ قېرىغىنىغا قارىماي پوخۇر ئىكەن»، «شەيخ نەپسانىيەتچى ئالا كۆڭۈلكەن» دېيىشەتتى.

پوخورلۇق

  • پوخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياللارغا يامان نىيەتتە، ناتوغرا مۇناسىۋەتتە بولىدىغان ھەرىكەت، قىلىق:[مىسال:] پوخۇرلۇق قىلماق.

پودوكارپۇس

  • پودوكارپۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پودوكارپۇس قارىغىيى ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ. ياغىچى قۇرۇلۇشقا ۋە ئۆي جاھازلىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.

پودۋال

  • پودۋال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۆي تاملىرىنىڭ پەستىكى تەرىپىگە قىلىنغان نەقىش بېرىلگەن سىر:[مىسال:] پودۋال چىقارماق.[يەشمىسى:] ② گېزىت سەھىپىسىنىڭ ئالاھىدە ماقالە بېسىلغان تۆۋەنكى قىسمى ۋە شۇ سەھىپىنى ئىككىگە بۆلۈپ تۇرىدىغان تۈز سىزىق:[يەشمىسى:] بۈگۈنكى شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئۈچىنچى بەت[مىسال:] پودۋال ئاستىغا بېسىلغان ماقالە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.

پور

  • پور[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەرەخ غولىنىڭ چىرىپ چىداملىقىنى يوقاتقان قىسمى:[مىسال:] سۆگەت پورى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پورلاشقان، پورى بار:[مىسال:] پور تېرەك. پور سۆگەت.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۆگەتنىڭ پورىغا ئوخشايدىغان، قوڭۇر:[مىسال:] پور رەڭ.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىچى كاۋاك، تېشىغا بۆرتۈپ چىققان، قاپارتىلغان، قالپاقلىق:[مىسال:] پور مىخ. پور سۈمبە.

پوراچ

  • پوراچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغاچ كومزەك.

پورەكⅠ

  • پورەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تېخى ئېچىلمىغان گۈل، غۇنچە:[مىسال:] سالام ساڭا مۇئەللىم، ساڭا چوڭقۇر يۈرەكتىن، تەربىيەڭدە ئېچىلغان مىڭلاپ غۇنچە-پورەكتىن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپمە ھالەتتىكى، كۆپۈشكەن، كۆبجۈگەن:[مىسال:] پورەك چاچ.

پورەكⅡ

  • پورەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] زاغرا.

پورەكلەتمەك

  • پورەكلەتمەك[يەشمىسى:] «پورەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پورەكلىمەك

  • پورەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غۇنچىلىماق، غۇنچىلاپ ئېچىلماق:[مىسال:] بىنانىڭ ئەڭ چېتىدىكى 5-قەۋەتنىڭ لەمپىسى ئالاھىدە بولۇپ، تەشتەكلەردىكى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەنىدى.

پورپاڭ

  • پورپاڭ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توزۇپ تۇرىدىغان، توزۇيدىغان؛ بوش، يۇمشاق:[مىسال:] ئاپتوموبىل بۇرۇلۇپ قارا يولغا چۈشكەندە پورپاڭ توپا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، ھەممىنى چاڭ-توزانغا كۆمۈۋەتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] غوۋغا، ئالىتوپىلاڭ:[مىسال:] پورپاڭ چىقارماق. * مەن قۇمۇلدا پورپاڭ كۆتۈرۈپ ئالەمنى بىر ئالغان تۇرسام، دېدى ھېلىقى كىشى ۋارقىراپ.

پورپاڭلىق

  • پورپاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پورپاڭ توپىسى بار، توپىسى پورپاڭلاشقان:[مىسال:] پورپاڭلىق يەر. پورپاڭلىق ئېتىز.

پورتⅠ

  • پورتⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] سۇ يوللىرىدا كېمە، پاراخوتلار توختايدىغان؛ يۈك بېسىش، يۈك چۈشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس جاھازىلانغان جاي.

پورتⅡ

  • پورتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] يۇمشاق نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىكى گاز ياكى سۇيۇقلۇقنىڭ قاتتىق بېسىم تەسىرى بىلەن ئېتىلىپ چىقىشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز.

پورت-پورت

  • پورت-پورت[يەشمىسى:] «پورتⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

پورتتىدە

  • پورتتىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پورت» قىلغان ھالدا، «پورت» قىلىپ:[مىسال:] پورتتىدە ئېتىلىپ كەتمەك.

پورترېت

  • پورترېت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گۈزەل سەنئەت<[يەشمىسى:] كونكرېت ئادەملەرنىڭ ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن رەسىم.

پورتۇگال

  • پورتۇگال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] پورتۇگالىيىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاساسلىق مىللەت ۋە خەلقلەر.

پورتۇگالچە

  • پورتۇگالچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پورتۇگال يوسۇنى بويىچە، پورتۇگاللارغا خاس:[مىسال:] پورتۇگالچە كىيىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پورتۇگال تىلى:[مىسال:] بۇ سۆز پورتۇگالچە ئىكەن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پورتۇگال تىلى ۋە يېزىقىنى ئىشلىتىپ:[مىسال:] پورتۇگالچە سۆزلىمەك.

پورداق

  • پورداق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەركەك جىنسلىقلارنىڭ جىنسىي ئەزا قىسمىدىكى ئۇرۇقداننى ئوراپ تۇرىدىغان خالتىسىمان ماددا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پورداق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەم.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جىنسىي مۇئامىلىدە كېرەككە كەلمەيدىغان، پالاكەت (ئەرلەرگە نىسبەتەن).

پورداقچى

  • پورداقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇشامەت، يالاقچىلىق قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشى؛ خۇشامەتچى، يالاقچى.

پورداقچىلىق

  • پورداقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇشامەتچىلىك، يالاقچىلىق:[مىسال:] پورداقچىلىق قىلماق.

پورشېن

  • پورشېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] سىلىندىر ياكى ناسوس ئىچىدە تەكرار ھەرىكەتلىنىدىغان بىر خىل دېتال. يۇمىلاق كېلىدۇ. ئۇ ماتور سىلىندىرى ئىچىدە پار ياكى يېقىلغۇنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان بېسىمنى مېخانىك ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ.

پورشېنسىز

  • پورشېنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پورشېن ئورنىتىلمىغان، پورشېنى يوق.

پورشېنلىق

  • پورشېنلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پورشېن ئورنىتىلغان، پورشىنى بار.

پورفىر

  • پورفىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ئورتا كىسلاتالىق ئېتىلما جىنس ياكى كىسلاتالىق داغلىق تېيىز جىنس.

پورفىن

  • پورفىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ئورگانىك ماددا بولۇپ، خلوروفىل، قانغا قىزىللىق بەرگۈچى ئاقسىل قاتارلىقلارنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بۇلار ئوكسىگېن مولېكۇلىسىغا ئوخشاش كىچىك مولېكۇلىلارنى ئۆزلىرىگە بىرىكتۈرۈۋالىدۇ.

پوركاپⅠ

  • پوركاپⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆتۈكنىڭ قونچىغا سېلىپ، پاشنىسىنى مىخلايدىغان دۈگىلەك ياغاچ كالتەك:[مىسال:] پوركاپ كالتىكى. پوركاپ ياسىماق.

پوركاپⅡ

  • پوركاپⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇۋالغان، ئۇۋاق، يۇمشاق:[مىسال:] پوركاپ توپا. پوركاپ توپىلىق يول.

پورلاشتۇرماق

  • پورلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «پورلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پورلاشماق

  • پورلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پور ھالەتكە كەلمەك، پور بولماق:[مىسال:] دەرەخنىڭ غول شاخلىرىنى تولا كەسسە دەرەخ ئاسان پورلىشىپ قالىدۇ.

پورلۇق

  • پورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پورى بار، پور بولغان:[مىسال:] پورلۇق جوجەي.

پورما

  • پورما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سوغا ئىچىگە ئورنىتىلغان ماروژنى چىقىرىدىغان قاچا، كىچىك تۇڭ.

پورۇق

  • پورۇق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قازاندىكى سۇ قاينىغاندا چىققان ئاۋاز.

پورۇق-پورۇق

  • پورۇق-پورۇق[يەشمىسى:] «پورۇق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] پورۇق-پورۇق قاينىماق.

پورۇققىدە

  • پورۇققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پورۇق» قىلىپ، «پورۇق» قىلغان ھالدا:[مىسال:] قازان «پورۇققىدە» قاينىدى.

پورۇقلاتماق

  • پورۇقلاتماق[يەشمىسى:] «پورۇقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] پورۇقلىتىپ قايناتماق. * بالام قازاننى پورۇقلىتىپ قاينىتىۋەرمە، ئاستىراق قاينىسىمۇ بولىدۇ.

پورۇقلاشماق

  • پورۇقلاشماق[يەشمىسى:] «پورۇقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ چوڭ ئاشخانىدىكى بەس-بەس بىلەن پورۇقلىشىپ قايناۋاتقان داش قازانلار توك توختاش بىلەنلا لاسسىدە توختىدى.

پورۇقلىماق

  • پورۇقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پورۇق قىلىپ ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] قايناق سۇ پورۇقلاپ قايناۋاتاتتى.

پوزا

  • پوزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قىمارنىڭ بىر خىلى بولغان ئوشۇق ئويۇنىدا ئۇتقانلىقنى، يەڭگەنلىكنى بىلدۈرۈپ كېلىدىغان بىر خىل شەكىل:[مىسال:] پوزا چۈشمەك. پوككا پوزا.[يەشمىسى:] ② قاتتىق مەستلىك ھالىتى:[مىسال:] پوزا بولماق. پوزا قىلماق.

پوزىترون

  • پوزىترون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاساسىي زەررىچىلەرنىڭ بىر خىلى، مۇسبەت زەرەتلىك، ماسسىسى ئېلېكتروننىڭ ماسسىسى بىلەن تەڭ. ئۇ ئېلېكتروننىڭ ئانتى زەررىچىسى.

پوزىتسىيە

  • پوزىتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ تۇتقان ئورنى، ئىشغال قىلىپ تۇرغان جايى، مەۋقەسى، ۋەزىيىتى:[مىسال:] تاڭ بىلەن بىزنىڭ قىسىملىرىمىز دۈشمەن پوزىتسىيىلىرىگە ھۇجۇم باشلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر مەسىلىگە قارىتا تۇتۇلغان يول، نۇقتىئىنەزەر:[مىسال:] ئۆگىنىشتىكى ئاڭلىقلىق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشتىكى ئاكتىپ پوزىتسىيىسى بىلەن ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

پوزنەك

  • پوزنەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دۆۋە.

پوس

  • پوس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئىچىگە گاز ياكى سۇيۇقلۇق قاچىلانغان يۇمشاق نەرسىلەرگە يىڭنە قاتارلىقلارنى سانجىشتىن چىققان ئاۋاز.

پوستⅠ

  • پوستⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① دەرەخ، مېۋە، كۆكتات، دان قاتارلىقلارنىڭ سىرتىنى ئوراپ تۇرغان قەۋىتى:[مىسال:] ئەخمەقنىڭ دوستى تولا، پىيازنىڭ پوستى تولا (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئادەم ۋە جانىۋارلارنىڭ بەدىنىنى ئوراپ تۇرغان نېپىز توقۇلما، تېرە ئۈستىدىكى يۇپقا پەردە:[مىسال:] ئىشەنمىگىن دوستۇڭغا، سامان تىقار پوستۇڭغا (ماقال).[يەشمىسى:] ③ يەرنىڭ ئۈستكى قەۋىتى:[مىسال:] يەر پوستى.

پوستⅡ

  • پوستⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي قىسىم ئورۇنلاشقان جاي، ئىدارە-جەمئىيەت ۋە باشقا مۇھىم جايلارنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئەسكەر، قاراۋۇل:[مىسال:] پوستتا تۇرماق.

پوستەك

  • پوستەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تۈگمەن خامپىسىدىكى ئۇننى سۈپۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان يۇڭلۇق تېرە پارچىسى؛ تېرە سۈپۈرگە.

پوستەكچى

  • پوستەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۈگمەندە ئىشلەيدىغان كىشى، تۈگمەنچى:[مىسال:] ھاشىم ئاكا، باينىڭ تۈگمىنىدە پوستەكچى بولۇپ ئىشلىگەن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارغا خۇشامەت قىلىپ ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان كىشى، يالاقچى:[مىسال:] ھۈنەرۋەن كاسىپلار، ھەتتا پوستەكچىلەرمۇ توپ-توپ بولۇپ يۈرەتتى.

پوستەكچىلىك

  • پوستەكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۈگمەندە ئۇن تارتىش بىلەن مەشغۇل بولۇش ئىشى:[مىسال:] ئۇ باينىڭ تۈگمىنىدە پوستەكچىلىك قىلغان چاغدىكى ھۈنىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغانىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خۇشامەتچىلىك، يالاقچىلىق:[مىسال:] ئۇ پوستەكچىلىك قىلىپ باشلىققا ياخشى كۆرۈنمەكچى.

پوستلاق

  • پوستلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئىچكى ئەزالارنىڭ سىرتقى توقۇلمىسى.

پوستلۇق

  • پوستلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پوستى بار، پوست بىلەن ئورالغان:[مىسال:] قاتتىق پوستلۇق كاۋا.

پوستۇمبا

  • پوستۇمبا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پوست+دۈمبە[[يەشمىسى:] قوي قۇيرۇقىنىڭ ئاستىن قىسمىدىكى نېپىز تېرە ياكى يېغى بىلەن قوشۇپ ئېلىنغان قۇيرۇق تېرىسى:[مىسال:] پوستۇمبا كاۋاپ.

پوسسىدە

  • پوسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پوس» قىلىپ، «پوس» قىلغان ھالدا:[مىسال:] سېسترا ئوكۇلنى «پوسسىدە» سانجىدى.

پوسكاللا

  • پوسكاللا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پوس+كاللا[[يەشمىسى:] دېمەكچى بولغان گەپ ياكى مەقسەتنىڭ ئاساسىي نېگىزى، تۈگىنى، نەق جايى:[مىسال:] ئۇلار تاغدىن-باغدىن بىردەم ھال-مۇڭ بولۇشقاندىن كېيىن گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئاچتى.

پوسما

  • پوسما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يېشىغا تولمىغان بوۋاق بالىلارنىڭ ئەستەرلىك ياكى نېپىز پاختا سېلىنغان باش كىيىمى:[مىسال:] موماينىڭ كۆزى ئوسمىدا، گاداينىڭ كۆزى پوسمىدا (ماقال).[يەشمىسى:] ② دوختۇر، سېسترا قاتارلىقلارنىڭ ئىش ئۈستىدە كىيىدىغان يالاڭۋاش كىيىمى:[مىسال:] ئۇ پوسما بىلەن خالاتقا قاراپ پىسسىڭڭىدە بىرنى كۈلدى-دە، ئاۋايلاپ كىيدى.

پوسمىسىز

  • پوسمىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پوسمىسى يوق، پوسما كىيمىگەن:[مىسال:] قىش ۋاقتىدا بوۋاق بالىنى پوسمىسىز تالاغا ئېلىپ چىقماسلىق كېرەك.

پوسمىلىق

  • پوسمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پوسمىسى بار، پوسما كىيگەن:[مىسال:] ئىشىكتىن يەتتە-سەككىز ياشلاردىكى پوسمىلىق قىز كىرىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ② پوسما تىكىشكە يېتىدىغان:[مىسال:] پوسمىلىق رەخت.

پوسۇر

  • پوسۇر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئادەم ماڭغاندا چىققان ئاۋاز.

پوسۇر-پوسۇر

  • پوسۇر-پوسۇر[يەشمىسى:] «پوسۇر» قىلغان ۋە شۇ قاتارلىق ئاۋاز.

پوسۇرلاشماق

  • پوسۇرلاشماق[يەشمىسى:] «پوسۇرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پوسۇرلىماق

  • پوسۇرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پوسۇر» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ ماڭماق؛ پايپاسلىماق.

پوسۇق

  • پوسۇق[يەشمىسى:] تەق. بۇ بىرەر ئىشنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ھالىتىگە تەقلىد قىلىنغان سۆز.

پوسۇققىدە

  • پوسۇققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تۇيۇقسىز، ئۇشتۇمتۇت، توساتتىن، بىردىنلا، كۈتۈلمىگەندە:[مىسال:] ئۇ ئىشخانىغا پوسۇققىدە كىرىپ قالدى.

پوسۇلكا

  • پوسۇلكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ساندۇق، تاغار، خالتىغا ئوخشاش نەرسىگە ئوراپ بىر جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن نەرسە:[مىسال:] بىز بىر-بىرىمىزگە داۋاملىق خەت ۋە پوسۇلكىلار ئەۋەتىشىپ تۇرۇۋاتىمىز.

پوش

  • پوش[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] يول بېرىشنى تەلەپ قىلىش ياكى بۇيرۇق ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] پوش، ھارۋىدا ئېغىر كېسەل بار، دوختۇرغا يەتكۈزۈۋالايلى.

پوش-پوش

  • پوش-پوش[يەشمىسى:] «پوش» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] پوش-پوش جۈمەش تېپىرلاپ تۇرغان ئېتىغا قامچا ئۇرىدۇ.

پوشكال

  • پوشكال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خېمىرنى نېپىز يېيىپ قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ پىشۇرىدىغان بىر خىل يېمەكلىك.

پوشكالچى

  • پوشكالچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پوشكال سېلىش ۋە ئۇنى سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] داۋاملىق نەزىر-چىراغ قوغلاپ يۈرىدىغان، نەزىر-چىراغنىڭ تائاملىرىنى يېيىشكە ئادەتلەنگەن؛ بىكار تاماقنى يېيىشكە ئامراق:[مىسال:] پوشكالچى موللام.

پوشكالچىلىق

  • پوشكالچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داۋاملىق نەزىر-چىراغ، توي-تۆكۈن تاماقلىرى بىلەن قورساق تويغۇزۇشنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىق، ئادەت:[مىسال:] تۆت ئۇستىخىنى ساق ئادەم ئۈچۈن پوشكالچىلىق بىلەن قورساق تويغۇزۇش ئەلۋەتتە نومۇس.

پوق

  • پوق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەم، ھايۋان قاتارلىق جانلىقلارنىڭ چوڭ تەرىتى، گەندە:[مىسال:] ئادەم پوقى. مۈشۈك پوقى. * ئورۇق كالىنىڭ پوقى يوغان (ماقال).[يەشمىسى:] ② مېتالنى تاۋلىغاندا قالغان قالدۇق:[مىسال:] كۈمۈش پوقى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىقتىدارسىز، كېرەكسىز، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئادەم:[مىسال:] -ۋاي پوق، دېدى دادىسى ئۇنىڭغا قاتتىق خاپا بولۇپ، شۇنچىلىك ئىشنى قاملاشتۇرالماي دومسىيىپ تۇرغىنىنى.

پوق قورساق

  • پوق قورساق[يەشمىسى:] دۆت، كالۋا:[مىسال:] ئۇنداق پوق قورساقنى نېمە قىلىمىز.

پوقنى ئىككىگە بۆلەلمەسلىك

  • پوقنى ئىككىگە بۆلەلمەسلىك[يەشمىسى:] قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەسلىك، بىرەرمۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق.

پوقى چوڭ

  • پوقى چوڭ[يەشمىسى:] قىلالمايدىغان، كۈچى يەتمەيدىغان، ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان ئادەملەرنى، ئاساسەن بالىلارنى سۈپەتلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.

پوقىغا كەتمەك

  • پوقىغا كەتمەك[يەشمىسى:] باشقا بىرىنىڭ خاتاسى تۈپەيلىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلماق، باشقا بىرىنىڭ سورى بىلەن زىيان تارتماق:[مىسال:] توختى سەمەتنىڭ پوقىغا كەتتى.

پوقى قاتماق

  • پوقى قاتماق[يەشمىسى:] جاھىللىقى تۇتماق، رازىلىقىدىن يېنىۋالماق، ئۇنىماي تۇرۇۋالماق.

پوقىنى بوغۇزلىماق

  • پوقىنى بوغۇزلىماق[يەشمىسى:] ئۆز ئۆزىگە قاتتىق خاپا بولماق، ئۆز-ئۆزىگە رەنجىمەك.

پوقىنى چېلىپ ئىچىدىغان

  • پوقىنى چېلىپ ئىچىدىغان[يەشمىسى:] ئەقىل ئىشلەتمەي، قارىسىغا ئىشلەپ، تەۋەككۈل قىلىپ ئىش بۇزىدىغان؛ كالۋا، دۆت.

پوقىنى ئېرىغدىماق

  • پوقىنى ئېرىغدىماق[يەشمىسى:] چىققان مەسىلىنى، چاتاقنى تۈگەتمەك.

پوق يېمە

  • پوق يېمە[يەشمىسى:] قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان گەپنى، يوق گەپنى قىلما، يالغان سۆزلىمە.

پوق يېمەك

  • پوق يېمەك[يەشمىسى:] بىلىپ-بىلمەي كەمچىلىك، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويماق، توغرا يولدىن ئاداشماق.

پوقاق

  • پوقاق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قالقان بەز ئىششىقى، يەنى بويۇندا بولىدىغان بىر خىل كېسەللىك:[مىسال:] موللام ئۆچكە ساقال، گېلىدە مۇشتتەك پوقىقى بار، ئېگىز بوي سېرىقراق ئادەم ئىكەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپۈشۈپ چىققان، كۆپۈشكەن، كۆپكەن:[مىسال:] پوقاق باشاقلار.

پوقاقلىق

  • پوقاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پوقاق بولۇش؛ پوقاق ھالەت:[مىسال:] ئۇنىڭ پوقاقلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز.

پوقچى

  • پوقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مەخسۇس ھاجەتخانا تازىلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچى، پوق توشۇغۇچى.[يەشمىسى:] ② كىچىك بالىلارنى ئەركىلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئەركىلەتمە سۆز.

پوقلاق

  • پوقلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھاجەتخانا.

پوقلاشماق

  • پوقلاشماق[يەشمىسى:] ① «پوقلىماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، يامان گەپلەر بىلەن تىللاشماق، شۇ سەۋەبتىن مۇناسىۋەتتە قاتتىق يىرىكلەشمەك.

پوقلىماق

  • پوقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پوق قىلماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قانۇنسىز، ناچار، ھارام ئىش-ئوقەتلەر بىلەنبۇزماق، ئوسال قىلماق:[مىسال:] گېلىنى پوقلىماق.

پوقلانماق

  • پوقلانماق[يەشمىسى:] «پوقلىماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پوك

  • پوك[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسە ئېگىزدىن پەسكە چۈشكەندە چىققان ئاۋاز:[مىسال:] شۇ چاغدا دەرەختىن سىلكىنگەن بىر توپ قار «پوك» قىلىپ قىزنىڭ بېشىغا چۈشتى.

پوكانⅠ

  • پوكانⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ تۆش قىسمى، كۆكرەك:[مىسال:] ھەيدەر پوكىنىنى ئۈستەلگە قويغىنىچە كۆزى ئۇيقۇغا كەتتى.

پوكانⅡ

  • پوكانⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چالا پىشقان (مېۋە-چېۋە ھەققىدە)، تولۇق قاتمىغان (زىرائەت دانلىرى ھەققىدە)، نەملىكىنى يوقاتمىغان، قۇرۇمىغان (كىيىم-كېچەك قاتارلىقلار ھەققىدە).

پوكانچى

  • پوكانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخسۇس مال سويۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم؛ قاسساپ.

پوكانچىلىق

  • پوكانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاسساپلىق:[مىسال:] پوكانچىلىق قىلماق.

پوك-پوك

  • پوك-پوك[يەشمىسى:] «پوك» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك (ماقال).

پوككا

  • پوككا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوشۇقنىڭ كىندىك تەرىپىگە قارشى تەرىپى، دۈمبىسى:[مىسال:] پوككا پوزا. پوككا چۇ. * قىمارۋازمۇ تۆت ئوشۇقنى دەتتىكام، دەپ ئاتىدۇ، يا چىككە ياكى پوككا چۈشىدۇ.

پوككىدە

  • پوككىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① «پوك» قىلغان ھالدا:[مىسال:] مەن ھارۋىغا لىق يۈك بېسىپ كېلىۋاتقىنىمدا، ھارۋا چاقى ئورەككە پوككىدە چۈشۈپ، ئېتىلىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② كۈتۈلمىگەندە، ئۇشتۇمتۇت:[مىسال:] ئۇ ئىشىكىگە كېلىپ ئەمدىلا بوسۇغىدىن ئاتلىشىغا، پوككىدە ئىككى ئادەم ئۆيگە كىرىپ كەلدى.

پوكۇلداتماق

  • پوكۇلداتماق[يەشمىسى:] «پوكۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھەي ئاقساقال، تايىنى يوق گەپنى قىلىپ ئۇنىڭ يۈرىكىنى پوكۇلداتمىغىنا

پوكۇلداشماق

  • پوكۇلداشماق[يەشمىسى:] «پوكۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بىر كوچىدىن ئۆتۈپ، يىراقتا كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر توپ ئادەمنى كۆرگىنىدە يۈرەكلىرىنىڭ پوكۇلدىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى.

پوكۇلدىماق

  • پوكۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پوك-پوك» قىلغان ئاۋاز چىقماق:[مىسال:] ئابدۇللا ئىختىيارسىز كەينىگە داجىدى، قورقۇپ يۈرىكى پوكۇلدىدى.

پوكۇن

  • پوكۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] سۆزلىگۈچىگە نامەلۇم بولغانئادەم ياكى نەرسە.

پوكۇنچى

  • پوكۇنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر كىشى:[مىسال:] پوكۇنچى كەلدى. پوكۇنچى كەلمىدى.

پوكۇنچى-پوستانچى

  • پوكۇنچى-پوستانچى[يەشمىسى:] ① سۆزلىگۈچى ئېيتماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاشنى خالىمىغان ياكى ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلمىگەن شارائىتتا شۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] پوكۇنچى-پۇستانچىلار ئىشقا كەلمەپتىغۇ، دەپ سورىدى مۇدىر.[يەشمىسى:] ② سۆزلىگۈچى ئېيتىشنى ئەپ كۆرمىگەن ھاقارەت سۆزلىرى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] سەن ئۇنى پوكۇنچى-پۇستانچى دەپ تىللاپ يۈرسەڭ بولمايدۇ.

پوكۇنى

  • پوكۇنى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر كىشى ياكى نەرسە:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئەتىدىن كەچكىچە «ۋاي پالانى ئانداق، پوكۇنى مۇنداق» دەپ، غەيۋەت قىلماي نېمە قىلسۇن

پوڭ

  • پوڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىر نەرسە ئېتىلغان، يېرىلغان، ياكى بىر يەرگە تەگكەندە چىققان ئاۋاز:[مىسال:] لامپۇچكا «پوڭ» قىلىپ ئېتىلىپ كەتتى.

پوڭ-پوڭ

  • پوڭ-پوڭ[يەشمىسى:] «پوڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] «پوڭ-پوڭ» قىلىپ ئېتىلغان پوجاڭزا ئاۋازى قورۇنىڭ ئىچىنى بىر ئالدى.

پوڭڭىدە

  • پوڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① «پوڭ» قىلغان ھالدا:[مىسال:] جوزا ئۈستىدە تۇرغان چايدان پوڭڭىدە يېرىلىپ ئىشخانىدا ئولتۇرغان ھەممەيلەننى چۆچۈتۈۋەتتى.[يەشمىسى:] ② ئۇشتۇمتۇت، بىردىنلا:[مىسال:] پوڭڭىدە يىغلىۋەتمەك. پوڭڭىدە سۆزلەپ تاشلىماق.

پوڭۇلداتماق

  • پوڭۇلداتماق[يەشمىسى:] «پوڭۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئاتقان ئوقۇمنىڭ تەگكەن-تەگمىگەنلىكى بىلەنمۇ ھېسابلاشماي پوڭۇلدىتىپ ئېتىۋەردىم.

پوڭۇلدىماق

  • پوڭۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پوڭ-پوڭ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] پوڭۇلداپ ئېتىلىۋاتقان پوجاڭزا ئاۋازى يىراقتىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

پول

  • پول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كارىدور ۋە ئۆينىڭ تاختاي ئورنىتىلغان ئاستى يۈزى:[مىسال:] مۇختەر ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىدە پول سۈرتەتتى.

پولا

  • پولا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىشىپ ۋاقتى ئۆتۈپ يۇمشاپ كەتكەن؛ لۆم-لۆم، موس-موس:[مىسال:] پولا قوغۇن. * قوغۇن پولا بولۇپ كەتتى.

پولاباش

  • پولاباش[قۇرۇلمىسى:]]پولا+باش[سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەر-خوتۇنچىلىقتا خقوتۇنىنىڭ ئەخلاقسىزلىقىغا يول قويىدىغان، كۆرمەسكە، بىلمەسكە سېلىپ، بېشىنى ئىچىگە تىقىپ يۈرىدىغان؛ يۇمشاق باش:[مىسال:] پولاباش ئادەم.

پولات

  • پولات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تۆمۈر بىلەن ئۇگلېرود (كاربون)نىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان بىر خىل قېتىشما مېتال. ئۇنىڭ تەركىبىدە 7.1 پىرسەنتتىن تۆۋەن ئۇگلېرود (كاربون)دىن باشقا، يەنە ئاز مىقداردا مانگان، كرىمنىي، گۈڭگۈرت، فوسفور قاتارلىق ئېلېمېنتلار بار. ئۇ تۆمۈرگە نىسبەتەن يۇقىرى بولغان فىزىكىلىق ۋە مېخانىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. سانائەتتە ئۇ ناھايىتى زۆرۈر ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

پولات-تۆمۈر

  • پولات-تۆمۈر[يەشمىسى:] پولات ۋە تۆمۈر:[مىسال:] پولات-تۆمۈر ئىشلەپ چىقارماق.

پولەك

  • پولەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] پولشىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلغان، غەربىي سلاۋيانلارغا مەنسۇپ خەلق.

پولەكچە

  • پولەكچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پولەكلەر يوسۇنى بويىچە، پولەكلەرگە خاس:[مىسال:] بۇ پولەكچە كىيىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پولەك تىلى:[مىسال:] بو سۆز پولەكچە.[يەشمىسى:] ③ پولەك تىلى، يېزىقىنى ئىشلىتىپ:[مىسال:] پولەكچە سۆزلىمەك.

پولتۇق

  • پولتۇق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مەلۇم ئېغىرلىقتىكى نەرسىنىڭ سۇغا چۈشۈشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز.

پولتۇق-پولتۇق

  • پولتۇق-پولتۇق[يەشمىسى:] «پولتۇق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىلىشى:[مىسال:] كۆلدە بېلىق ئوينىسا «پولتۇق-پولتۇق» قىلىشىپ، خۇشال بولار بالىلار ئۇڭا قاراپ كۈلۈشۈپ.

پولتوققىدە

  • پولتوققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پولتۇق» قىلغان ھالدا، «پولتۇق» قىلىپ:[مىسال:] ئەركىن كىيىملىرىنى سېلىپ پولتۇققىدە سۇغا سەكرىدى.

پولتۇقلاتماق

  • پولتۇقلاتماق[يەشمىسى:] «پولتۇقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پولتۇقلاشماق

  • پولتۇقلاشماق[يەشمىسى:] «پولتۇقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پولتۇقلىماق

  • پولتۇقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پولتۇق» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] يوغان داش قازاندا پولتۇقلاپ ئۇماچ قاينىماقتا ئىدى.

پولتۇڭ

  • پولتۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مەلۇم ئېغىرلىقتىكى نەرسىنىڭ سۇغا چۈشۈشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] ھېلىقى مويسىپىت ئارقىدىنلا ئۆزىمۇ «پولتۇڭ» قىلىپ كۆلچەككە سەكرەپ، يۈزىنى جەنۇب تەرەپكە قىلىۋالدى.

پولتۇڭ-پولتۇڭ

  • پولتۇڭ-پولتۇڭ[يەشمىسى:] «پولتۇڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

پولتۇڭڭىدە

  • پولتۇڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پولتۇڭ» قىلىپ ئاۋاز چىقارغان ھالدا، «پولتۇڭ» قىلىپ:[مىسال:] ئابىت پوچى پور تېرەكتەك پولتۇڭڭىدە ئۆستەڭگە موللاق ئېتىپ چۈشۈپ كەتتى.

پولتۇڭلاتماق

  • پولتۇڭلاتماق[يەشمىسى:] «پولتۇڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلار بەس-بەستە پۇتلىرى بىلەن سۇنى پولتۇڭلىتىپ ئوينىدى.

پولتۇڭلاشماق

  • پولتۇڭلاشماق[يەشمىسى:] «پولتۇڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پولتۇڭلىماق

  • پولتۇڭلىماق[يەشمىسى:] ① «پولتۇڭ» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «پولتۇڭ» قىلماق:[مىسال:] پولتۇڭلاپ كەتمەك. پولتۇڭلاپ تۇرماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىككى تەرەپكە ئېغىناپ ماڭماق:[مىسال:] ئىچ كۆڭلەك بىلەن پولتۇڭلاپ چىققان تەلەيخان بوغچىغا سىنچىلاپ سەپسالدى.

پولدۇر

  • پولدۇر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ تەۋرىنىش ھالىتى:[مىسال:] پولدۇر قىلماق.

پولدۇر-پولدۇر

  • پولدۇر-پولدۇر[يەشمىسى:] «پولدۇر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

پولدۇرۇڭ

  • پولدۇرۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئېسىقلىق تۇرغان نەرسىنىڭ تەۋرىنىش ھالىتى.

پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ

  • پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ[يەشمىسى:] ① «پولدۇرۇڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بۇزۇپ چېچىپ، ئايىماي:[مىسال:] باردا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، يوقتا قاراپ ئولتۇرۇڭ (ماقال).

پولدۇرۇڭ-سولدۇرۇڭ

  • پولدۇرۇڭ-سولدۇرۇڭ[يەشمىسى:] «پولدۇرۇڭ» قىلغان ۋە شۇ خىلدىكى ھالەتلەر.

پولدۇڭ

  • پولدۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئېغىرراق بىرنەرسە سۇغا چۈشكەندە چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] پولدۇڭ قىلىپ سۇغا چۈشمەك.

پولدۇڭ-سولدۇڭ

  • پولدۇڭ-سولدۇڭ[يەشمىسى:] «پولدۇڭ» قىلغان ۋە شۇ خىلدىكى ھەرىكەت.

پولكا

  • پولكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>چېخچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئۇسسۇل<[يەشمىسى:] بىر خىل ئۇسسۇل، ئەسلىدە چېخلاردىن تارقالغان. ئۇنى ئىككى سەپكە تىزىلىپ، جۈپ-جۈپ بولۇپ ئوينايدۇ:[مىسال:] ناخشا ئورنىنى شوق، جۇشقۇن پولكا ئالدى. مامۇت ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇدى.

پوللۇق

  • پوللۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پولى بار، ئاستىغا تاختاي ئورنىتىلغان:[مىسال:] ئۇلار بۇرۇن پوللۇق ئۆيلەردە ئولتۇراتتى.

پولونىي

  • پولونىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] رادىئوئاكتىپلىق مېتال ئېلېمېنت، بەلگىسى (Polonium)po. يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى تەخمىنەن 138 كۈن.

پولۇ

  • پولۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر خىل ئەنئەنىۋى تامىقى، ئاساسىي ماتېرىيالى گۈرۈچ، ماي، گۆش، سەۋزە، پىياز قاتارلىقلار بولۇپ، قورۇپ، دەملەپ پىشۇرۇلىدۇ.

پولىتسېرىن

  • پولىتسېرىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] فېنىل ئېتىلېننىڭ پولىمىرلىنىشىدىن ھاسىل بولغان يالتىراق، ئىزولياتورلۇقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئېلېكتر سانائىتىدە كەڭ قوللىنىلىدۇ، ئۇلترا قىسقا دولقۇن، رادار ۋە تېلېۋىزور قاتارلىقلار ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىزولياتور ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.

پولىتېخنىكا

  • پولىتېخنىكا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] تېخنىكا تارماقلىرى، بۆلەكلىرى؛ تېخنىكا ساھەسى.

پولىمىر

  • پولىمىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] «پولىمىرلار»غا قاراڭ.

پولىمىرلار

  • پولىمىرلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] خىمىيىۋى تەركىبى بىر خىل، ئەمما مولېكۇلىلىرىدىكى ئاتوملار مىقدارى بىلەن بىر-بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ماددىلار.

پورمىرلانماق

  • پورمىرلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پولىمىر ھالىتىگە كەلمەك.

پوليارىسكوپ

  • پوليارىسكوپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] قۇتۇپلانغان ۋە يورۇقلۇق ھاسىل قىلالايدىغان لىنزا (ئەينەك). سۈزۈك كالتسىت قاتارلىقلاردىن ياسىلىدۇ.

پوم

  • پوم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قوناق ئۇنىدىن خېمىر يۇغۇرۇپ تۆگىگە بېرىش ئۈچۈن راسلانغان كۇمىلاچ:[مىسال:] ئۇ زالىمنىڭ ئۆيىدە يەيدىغىنىم كېپەكتە ياققان پوم.[يەشمىسى:] ② مەلۇم دائىرە، چېگرا، پاسىلنى بەلگىلەپ تۇرۇش ئۈچۈن توپىدىن سېلىنغان كىچىك دۆۋە:[مىسال:] پاسىلغا پوم سالماق.

پومبۇلاق

  • پومبۇلاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يۇپيۇمىلاق، دومىلاق.

پومپا

  • پومپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>سانائەت<[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇقنى سۈمۈرۈپ، تارتىپ چىقىرىدىغان بىر خىل ئۈسكۈنە. ئۇ ئارقىلىق سۇيۇقلۇقنى بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا ياكى تۆۋەندىن يۇقىرى ئورۇنغا تارتىپ چىقارغىلى بولىدۇ.

پومپاق

  • پومپاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پومپىيىپ چىققان، پومپىيىپ كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان؛ قېلىن:[مىسال:] يىگىت مەستۇرىنىڭ پومپاق لەۋلىرىگە ئىشتىياق بىلەن لېۋىنى باستى.

پومپايتماق

  • پومپايتماق[يەشمىسى:] «پومپايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆلۈك يەپ قورساقلىرىنى پومپايتىپ، كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن بۆرىلەر شىددەت بىلەن كېلىۋاتقان قىسىمنى كۆرۈشى بىلەنلا قاچاتتى.

پومپايتىشماق

  • پومپايتىشماق[يەشمىسى:] «پومپايتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا، بالىلار قورساقلىرىنى پومپايتىشىپ توپىغا مىلىنىپ ياتاتتى.

پومپايماق

  • پومپايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆپمەك، دومبايماق:[مىسال:] چولپان سۈتكە تويۇپ، قورسىقى پومپىيىپ كەتكەن پاقلاننى تۇتۇپ تۇرۇپ دادىسىدىن سورىدى.

پومداق

  • پومداق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈرۈلۈپ يىغىلغان، كاللەك: ئۇ پومداق قەغەزنى يەردىن ئالدى.

پومداقلاشماق

  • پومداقلاشماق[يەشمىسى:] «پومداقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] چۈجە-خورازلار پومداقلىشىشقا ئاز قالغاندا، كەنت باشلىقى زەپەرنىڭ ھەمراھلىقىدا يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا پەيدا بولۇپ قالدى.

پومداقلىماق

  • پومداقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۈرۈپ يىغماق، كاللەك قىلماق:[مىسال:] ئۇ يىرتىلغان كىرلىكنى پومداقلاپ سىيرىتمىغا سالدى.

پومزەك

  • پومزەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توپ، كىچىك توپ:[مىسال:] پومزەك ئوينىماق. * كىمكى پومزەكنى قارشى تەرەپنىڭ دەرۋازىسىغا تېپىپ كۆپ كىرگۈزسە، شۇ تەرەپ ئۇتقان بولىدۇ.

پومساق

  • پومساق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پومغا ئوخشايدىغان، دومىلاق، يۇمىلاق.

پومسايتماق

  • پومسايتماق[يەشمىسى:] «پومسايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قورسىقىنى پومسايتماق.

پومسايماق

  • پومسايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆپمەك، كۆپۈپ ئۆرلەپ چىقماق، تۈرۈلمەك:[مىسال:] قىزنىڭ ئالۇچىدەك چىرايلىق لەۋلىرى كۈلۈش ئۈچۈن پومسايدى.

پوملاپ-سوملاپ

  • پوملاپ-سوملاپ[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا، ئەپلەپ-سەپلەپ، بىر ئامال قىلىپ:[مىسال:] پوملاپ-سوملاپلا ئۆتكۈزۈۋەتمەك.

پوملاتماق

  • پوملاتماق[يەشمىسى:] «پوملىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پوملاشماق

  • پوملاشماق[يەشمىسى:] «پوملىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تونۇر بېشىدىكى ئاياللار قوناق خېمىرىنى پوملاشقاچ ئۆزئارا قىزىق پاراڭلىشىۋاتاتتى.

پوملاق

  • پوملاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇمىلاق، دۈگىلەك:[مىسال:] پوملاق لاي. پوملاق كۆمۈر.

پوملاقلاتماق

  • پوملاقلاتماق[يەشمىسى:] «پوملاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پوملاقلاشماق

  • پوملاقلاشماق[يەشمىسى:] ① «پوملاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② بىر-بىرىنى بېسىشماق:[مىسال:] بۇ چاغدا خەلق چېرىكلەر بىلەن پوملاقلاشماقتا ئىدى.

پوملاقلانماق

  • پوملاقلانماق[يەشمىسى:] «پوملاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پوملاقلىق

  • پوملاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پوملاقلانغان:[مىسال:] ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا پوملاقلىق، قىپقىزىل بىرنېمە تۇراتتى.

پوملاقلىماق

  • پوملاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۈرمەلەكلەپ يىغماق، كاللەك قىلماق:[مىسال:] ئۇلار ماڭا قارنى پوملاقلاپ ئېتىشاتتى.

پوملانماق

  • پوملانماق[يەشمىسى:] «پوملىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پوملىماق

  • پوملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پوم قىلماق، پومزەكلىمەك:[مىسال:] خېمىرنى پوملىماق. لاينى پوملىماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆز بويىماق، ئالدىماق، ئەپلىمەك:[مىسال:] پوملاپ ئۆتكۈزمەك.

پومېشچىك

  • پومېشچىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كۆپ يەر ئىگىلىگەن كىشى، يەر ئىگىسى.

پوند

  • پوند[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىسىر، ئېرلاندىيە، سىپرۇس، سۇدان، سۇرىيىلەرنىڭ پۇل بىرلىكى.

پونكىت

  • پونكىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① يەر يۈزى ياكى بوشلۇقتىكى ئالاھىدە بەلگە ۋە خۇسۇسىيىتى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان نۇقتا، مەلۇم بىر جاي:[مىسال:] ئاھالە ياشايدىغان پونكىت.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش، پائالىيەت، تەدبىر ئۈچۈن بېرىلگەن، مەخسۇس ئۈسكۈنىلەنگەن بىنا ياكى جاي:[مىسال:] تېلېفون ئىستانسىسىنىڭ سۆزلىشىش پونكىتى.

پوۋېست

  • پوۋېست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] رومانغا نىسبەتەن كىچىكرەك، سۇژىتى ئاددىيراق بەدىئىي نەسرىي ئەسەر، قىسسە.

پوۋۇسكا

  • پوۋۇسكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] بىر ياكى ئىككى ئات قوشۇلىدىغان، چاقى ئېگىزرەك مەپە شەكىللىك ھارۋا.

پوئېما

  • پوئېما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] «داستان»غا قاراڭ.

پويرارىيە

  • پويرارىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇ تەرلىتىش، قىزىتمىنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە.

پويىز

  • پويىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] بىر خىل قاتناش قورالى، ۋاگونلىرى بىر-بىرىگە ئارقىمۇ ئارقا چېتىلغان بولۇپ، تۆمۈريول ئۈستىدە ئوت كۈچى ياكى توك كۈچى ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدۇ.

پۇبلىستىكا

  • پۇبلىستىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئىجتىمائىي، سىياسىي مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان ۋاقىت خاراكتېرلىك سىياسىي ماقالە، ئوبزور قاتارلىق ئەسەرلەر.

پۇتⅠ

  • پۇتⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەم، ھايۋان ياكى باشقا جانلىقلارنىڭ گەۋدىسىنىڭ يەرنى تايىنىپ تۇرۇشى، يۈرۈشى ياكى ئۆمىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىسمى؛ ئاياغ:[مىسال:] ئوڭ پۇت. پۇتنى ئالماپ ئولتۇرماق.[يەشمىسى:] ② كارىۋات، ئۈستەل، ئورۇندۇق قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ يەرگە تېگىپ تۇرىدىغان قىسمى؛ ئايىغى:[مىسال:] ئورۇندۇق پۇتى. سافانىڭ پۇتى. ئۈستەلنىڭ پۇتى.

پۇت تېپىشمەك

  • پۇت تېپىشمەك[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتا قارشى تەرەپ بىلەن ئېلىشماق، زىتلاشماق، تالاشماق، رىقابەتلەشمەك:[مىسال:] تۇرسۇن يوشۇرۇن ھالدا مەنسۇر بىلەن پۇت تېپىشمەكتە.

پۇتقا ھۆل خىش قويماق

  • پۇتقا ھۆل خىش قويماق[يەشمىسى:] بىراۋنى ئورۇنسىز ماختاپ ئۇچۇرماق، كۆككە كۆتۈرمەك:[مىسال:] قويۇپ «دوست» لار پۇتۇمغا ھۆل خىش، دېسە «سەن ھەممىدىن قالتىس». كۆرەڭلەپ مەنمۇ كۆڭلۈمدە، دېدىم:[مىسال:] «مەن ھەممىدىن قالتىس».

پۇتⅡ

  • پۇتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى، بىر پۇت 38.16 كىلوگرامغا تەڭ بولىدۇ.

پۇتاشماق

  • پۇتاشماق[يەشمىسى:] «پۇتىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىپارگۈل چوڭ ئاپىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۈزۈم يوپۇرماقلىرىنى پۇتىشىپ بەردى.

پۇتاق

  • پۇتاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دەل-دەرەخلەرنىڭ غولى ياكى چوڭ شاخلىرىدىن ئۆسۈپ چىققان تارمىقى، يان شېخى:[مىسال:] خېمىر باتۇر چىنار دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ، دېمىنى ئالغاندىن كېيىن، پۇتاقلارغا ئېسىلىپ چىنارغا چىقىپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىر پۈتۈن ياكى بىر يۈرۈش ئەقىدىلەرنىڭ مەلۇم تارمىقى، بۆلىكى:[مىسال:] شەرىئەتنىڭ پۇتىقى تولا.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېتەرسىزلىك، نۇقسان، كەمچىلىك؛ قۇسۇر:[مىسال:] –سىزغۇ مېنىڭ گېپىمدىنمۇ، ئىشلىرىمدىنمۇ پۇتاق چىقىرىپلا تۇرىسىز، دېدى ئايالى ئېرىدىن نارازى بولۇپ.

پۇتاقلىق

  • پۇتاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پۇتىقى بار:[مىسال:] ئاقموللا پۇتاقلىق كونا ئەگرى ھاسىغا تايانغىنىچە نازىمنىڭ ھېكايىلىرىنى كۆزلىرىنى يۇمۇپ، بېرىلىپ تىڭشىدى.[يەشمىسى:] ② پۇتىقى كۆپ؛ پۇتىقى، شېخى تولا:[مىسال:] قېرى ئۈجمە دەرىخى كېچىدىكى سىرلىق پىچىرلاشلارنى ئۆزىنىڭ پۇتاقلىق، كەڭ، قوپال غولىغا سىڭدۈرۈپ ھېچ نەرسە كۆرمىگەندەك سايە تاشلاپ تۇراتتى.

پۇتالماق

  • پۇتالماق[يەشمىسى:] «پۇتىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يول بويىدىكى دەرەخلەر ئاساسەن پۇتىلىپ بولدى.

پۇتبول

  • پۇتبول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ئىككى كاماندىنىڭ ئۆزئارا قارىمۇقارشى تەرەپلىرىدىكى ۋاراتاغا ئاياغ بىلەن تېپىش ياكى باش بىلەن ئۈسۈش ئارقىلىق كۆپرەك توپ كىرگۈزۈش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تەنتەربىيە ئويۇنى ۋە شۇ ئويۇندا ئوينىلىدىغان توپ.

پۇت-قول

  • پۇت-قول[يەشمىسى:] پۇت ۋە قول:[مىسال:] پۇت-قولىدا جان قالماسلىق.

پۇت-قولىنى چۈشىمەك

  • پۇت-قولىنى چۈشىمەك[يەشمىسى:] بىرەرسىنىڭ ھەرىكىتىنى، پائالىيىتىنى چەكلەپ قويماق، قامال قىلماق، قىمىرلىيالمايدىغان قىلىپ قويماق:[مىسال:] ئاممىنىڭ پۇت-قولىنى چۈشەيدىغان بۇنداق ئەمرىمەرۇپنى بەلگىلەپ بېرىش ئىنتايىن خاتا.

پۇتلاتماق

  • پۇتلاتماق[يەشمىسى:] «پۇتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پۇتلاشتۇرماق

  • پۇتلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «پۇتلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ باھانە تېپىپ مېنى پۇتلاشتۇرۇشى، تۈز يولدا تېيىلدۇرۇشىمۇ مۇمكىن.

پۇتلاشتۇرۇشماق

  • پۇتلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «پۇتلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پۇتلاشتۇرۇلماق

  • پۇتلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «پۇتلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پۇتلاشماق

  • پۇتلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يول يۈرگەندە، ماڭغاندا پۇت بىرەر نەرسىگە ئۇرۇلۇپ ياكى تاقىشىپ مۈدۈرۈلمەك:[مىسال:] ئەپەندىم بازارغا كېتىپ بېرىپ، بىر تاشقا پۇتلىشىپ يېقىلىپ چۈشۈپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر پېشكەللىك، ئوڭۇشسىزلىق، كېلىشمەسلىكلەرگە دۇچ كەلمەك، يولۇقماق:[مىسال:] ئۇ ئادىلنىڭ بىرەر ئىشتا پۇتلىشىپ كېتىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ يۈردى.[يەشمىسى:] ③ پۇتلىكاشاڭ، توسقۇن بولماق، تاقاشماق:[مىسال:] سەن مېنىڭ ئىشىمغا تولا پۇتلاشما

پۇتلانماق

  • پۇتلانماق[يەشمىسى:] «پۇتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يەرگە چاپلىشىپ ياتقان بۇغدايلاردىن بىرەر كىشىنىڭ مېڭىشىدىن پۇتلانغانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى.

پۇتلۇقⅠ

  • پۇتلۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۇتى بار، پۇت بېكىتىلگەن:[مىسال:] تۆت پۇتلۇق شىرە. * مېھمانخانا ئالدىدا ئىنچىكە پۇتلۇق، ئويناقلىغان سېرىق ئاتلارغا مىنگەن ساقچىلار تۇراتتى.

پۇتلۇقⅡ

  • پۇتلۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىقدارى مەلۇم پۇت ئېغىرلىقىدا بولغان.

پۇتلىكاشاڭ

  • پۇتلىكاشاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پۇتلا+كاشىلا[[يەشمىسى:] توسالغۇ، كاشىلا بولىدىغان نەرسە ۋە ھادىسە:[مىسال:] ئۇ مېنىڭ ئىشىمغا پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتىدۇ.

پۇتلىكاشاڭلىق

  • پۇتلىكاشاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توسالغۇلۇق:[مىسال:] پۇتلىكاشاڭلىق قىلماق.

پۇتلىماق

  • پۇتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پۇت بىلەن باشقا بىرسىنىڭ پۇتىنى ئىلىپ، يېقىتىشقا ئۇرۇنماق:[مىسال:] تۇرسۇن يولدا جىم كېتىۋاتقان ئەخمەتنى قەستەن پۇتلىۋەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەك، مەلۇم ئورۇن ۋە ۋەزىپىدىن ئېلىۋېتىشقا ئۇرۇنماق:[مىسال:] ئادىل ئىنىسىغا:[مىسال:] سادىقنىڭ نىيىتى يامان ئادەم، بىر كۈنى سېنى بىر ئىشتا پۇتلايدۇ، دەپ جېكىلىدى.

پۇتىماق

  • پۇتىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دەل-دەرەخلەر ۋە بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كېرەكسىز شاخ-شۇمبىلىرىنى كېسىۋەتمەك:[مىسال:] ئۇ ئەتىگەنلىك چايغا كەلگۈچە سالىنىڭ قارىياغاچ ۋە سۆگەتلىرىدىن ئىككى-ئۈچ سېۋەتلىك شۇڭ پۇتىۋالدى.

پۇجۇڭ

  • پۇجۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ۋاڭنىڭ ئاياللىرىنىڭ پەخرىي نامى؛ ۋاڭنىڭ خوتۇنى:[مىسال:] پۇجۇڭ خېنىم. چوڭ پۇجۇڭ ئاغىچا. كىچىك پۇجۇڭ ئاغىچا.

پۇچ

  • پۇچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىچى بوش، مېغىزى يوق، پۇچەك:[مىسال:] پۇچ ياڭاق. * قاسىم ئاكام:[مىسال:] شاڭجاڭ، قورساقنى ئېسىپ قويغىلى بولمايدۇ، بالىلارنىڭ يىلىكى پۇچ بولۇپ قالمىسۇن دەيمەن، دېدى.

پۇچەك

  • پۇچەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئىچى بوش، مېغىز ئالالمىغان، مېغىزى يىگىلەپ كەتكەن؛ مېغىزى تولمىغان:[مىسال:] پۇچەك دان. پۇچەك بۇغداي. پۇچەك ئۇرۇق. پۇچەك ياڭاق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدىغان، تايىنى يوق، قۇرۇق:[مىسال:] سادىقجان جوزىغا مۇشتلاپ ۋارقىراپ تۇتۇرۇقسىز پۇچەك گەپلەرنى قىلىشقا باشلىدى.

پۇچەكلەشتۈرمەك

  • پۇچەكلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «پۇچەكلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇلتۇر ئىسسىق شامال كۆپ چىقىپ بۇغدايلارنى پۇچەكلەشتۈرۈۋەتتى.

پۈچەكلەشتۈرۈشمەك

  • پۈچەكلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «پۇچەكلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پۇچەكلەشتۈرۈلمەك

  • پۇچەكلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «پۇچەكلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پۇچەكلەشمەك

  • پۇچەكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مېغىزى يوق پۇچەك ھالەتكە كەلمەك، پۇچەك بولۇپ قالماق:[مىسال:] بۇ شالغا ئۈششۈك تېگىپ، پۇچەكلىشىپ كەتكەنلىكتىن جىڭ باسالمىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەنىسىز، قۇرۇق، چاكىنا بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئوقۇتقۇچى تۇرسۇننىڭ ماقالىسىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: ماقالىڭىزنىڭ ئاخىرى بىرئاز پۇچەكلىشىپ كېتىپتۇ.

پۇچەكلىك

  • پۇچەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۇچەك ھالەت:[مىسال:] ياڭاق پۇچەكلىكتىن جىڭ باسمىدى.

پۇچقاقⅠ

  • پۇچقاقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشتاننىڭ تىزدىن تۆۋەن تۇرىدىغان قىسمى:[مىسال:] ئىشتاننىڭ پۇچقىقى. پۇچقاقنى تۈرمەك.[يەشمىسى:] ② چەت، ياقا:[مىسال:] بۇلۇڭ-پۇچقاق.

پۇچقاق

  • پۇچقاق[يەشمىسى:] ① Ⅱ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەر خىل پارچە-پۇرات تېرە پۇرۇچلىرى:[مىسال:] پۇچقاق جۇۋا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەللە رەڭ، ئالىتاغىل:[مىسال:] پۇچقاق مۈشۈك.

پۇچقاقلىق

  • پۇچقاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۇچقىقى بار:[مىسال:] پۇچقاقلىق ئىشتان.

پۇچۇق

  • پۇچۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پارچىلانغان، ئۇچۇپ كەتكەن؛ سۇنغان:[مىسال:] پۇچۇق چىنە.[يەشمىسى:] ② پۈتۈن ئەمەس، يېرىم:[مىسال:] پۇچۇق نان. * ئەخمەت ۋە نۇردۇن ئەنە شۇ بىر زاغرىنى پۇچۇقتىن يېدى.[يەشمىسى:] ③ پاناق، ماكچايغان، كەمتۈك:[مىسال:] بۇرنى پۇچۇق. * دورامچۇقنىڭ ئاغزى پۇچۇق (ماقال).

پۇچۇقلاشماق

  • پۇچۇقلاشماق[يەشمىسى:] «پۇچۇقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىز ئىككىمىز بىر نان تاپساق پۇچۇقلىشىپ يەپ چوڭ بولغان ئىدۇق.

پۇچۇقلانماق

  • پۇچۇقلانماق[يەشمىسى:] «پۇچۇقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تەخسە پۇچۇقلىنىپ كەتتى.

پۇچۇقلىماق

  • پۇچۇقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پۈتۈن نەرسىنىڭ بىرەر يېرىنى سۇندۇرماق، پۇچۇق ھالەتكە كەلتۈرمەك، ئۇشتۇماق:[مىسال:] ئۆي ئىگىسى مېھمانلارغا:[مىسال:] قېنى، مېھمانلار، چايغا باقايلى، دېگەچ، لېگەندىكى ناننى پۇچۇقلىدى.

پۇچۇلدۇرماق

  • پۇچۇلدۇرماق[يەشمىسى:] «پۇچۇلماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پۇچۇلماق

  • پۇچۇلماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر پۈتۈن ساق نەرسىنىڭ مەلۇم بىر يېرى سۇنۇپ كەتمەك، پۇچۇقلانماق، پۇچۇق بولماق:[مىسال:] چەينەكنىڭ جوغىسى پۇچۇلۇپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② قاتلىنىپ پۇرلىشىپ، ئەسلىي قىياپىتىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەك:[مىسال:] قوليازمىنىڭ چۆرىلىرى پۇچۇلۇپ خەتلىرى ئۆچۈپ كەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەرد-ئەلەم، ئازاب دەستىدىن ئەسلىي كۆرۈنۈشنى يوقاتماق، قورۇق چۈشۈپ، سەتلەشمەك (يۈز، چىراي ھەققىدە):[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ، چىرايىدىن توپا ئۆرلەپ، گۈزەل ھۆسنى پۇچۇلغانىدى.

پۇچۇلۇشماق

  • پۇچۇلۇشماق[يەشمىسى:] «پۇچۇلماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پۇچىلاتماق

  • پۇچىلاتماق[يەشمىسى:] «پۇچىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پۇچىلاشماق

  • پۇچىلاشماق[يەشمىسى:] «پۇچىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پۇچىلانماق

  • پۇچىلانماق[يەشمىسى:] ① «پۇچىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] نومۇستىن يۈرىكى پۇچىلانغان قىز يۇرتىغا-ئانىسىنىڭ قېشىغا كەتتى.[يەشمىسى:] ② «پۇچىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قوناق پۇچىلاندى.

پۇچىلىماق

  • پۇچىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① چوغ ياكى قوقاسقا تاشلاپ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئۇ يان-بۇ يان ئۆرۈپ، سۈركەپ، ياكى كۆمۈپ پىشۇرماق:[مىسال:] بالىلار كۆكۋاش پۇچىلاپ يېدى. * بېشىر ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا گۈلخان يېقىپ دەستىلەرنى پۇچىلاپ ماتىغۇچ بىلەن ماتىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئازابلىماق، قىينىماق:[مىسال:] رەشك ۋە كۈنداشلىق ئوتلىرى مەنسۇر بەگنىڭ ۋۇجۇدىنى پۇچىلىدى.

پۇخا

  • پۇخا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] پىغان:[مىسال:] پۇخادىن چىقماق.

پۇختا

  • پۇختا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① چىداملىق، چىڭ، مۇستەھكەم، پىششىق:[مىسال:] پۇختا رەخت. پۇختا توقۇلغان پايپاق.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش، كەسىپ ۋە ئىلىمدە ياخشى، پىششىق، مۇكەممەل:[مىسال:] تاھىر رۇس تىلىغا پۇختا ئاساس سالدى.

پۇختىلاتماق

  • پۇختىلاتماق[يەشمىسى:] «پۇختىلىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پۇختىلاشماق

  • پۇختىلاشماق[يەشمىسى:] «پۇختىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پۇختىلانماق

  • پۇختىلانماق[يەشمىسى:] «پۇختىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] پارتىزانلار تۈزۈشتى پىلاننىمۇ باشقىچە، پۇختىلاندى بۇ جەڭنىڭ تەييارلىقى تاڭغىچە.

پۇختىلىق

  • پۇختىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۇختا ھالەت:[مىسال:] ئىشنى پۇختىلىق بىلەن قىلماق. * يىگىت ئەسكەرلىرىنى پۇختىلىق بىلەن جەڭگە تەييارلاپتۇ.

پۇختىلىماق

  • پۇختىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پۇختا، چىڭ، مۇكەممەل قىلماق؛ مۇستەھكەملىمەك؛ پىششىقلىماق:[مىسال:] قاشنى پۇختىلىماق. * بوۋاي پۇل يىغىپ تاشۋاينىڭ توي تەييارلىقىنىمۇ پۇختىلىيالىسام دەپ ئويلايتتى.

پۇرⅠ

  • پۇرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قۇشلار ئۇچقان چاغدا قانىتىنىڭ ھاۋادا ھەرىكەتلىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] ئۈزۈمگە قونغان بىر توپ قۇشقاچلار «پۇر» قىلىپ ئۇچۇپ كەتتى.

پۇرⅡ

  • پۇرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تولغان، تارقالغان، يېيىلغان، بىركەلگەن ھالەت:[مىسال:] ئالەمگە پۇر كەتمەك.

پۇراتماق

  • پۇراتماق[يەشمىسى:] ① «پۇرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] گۆشنى پۇرىتىپ قويماق. ياغ پۇراتماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپكە دېمەكچى بولغىنىنى ئەسكەرتمەك، شەپە بەرمەك، دارىتماق:[مىسال:] ئۇ ئاخىرىدا ئىقىتىسادىي ئىشلارنى ئالاھىدە پۇراتتى.

پۇراشتۇرماق

  • پۇراشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پۇراش قاتارلىق ئىشلارنى قىلماق:[مىسال:] ئاپشاركا چىغلارنى پۇراشتۇرۇپ، تىللىرىنى چىقىرىپ ئاتنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭماقتا ئىدى.

پۇراشماق

  • پۇراشماق[يەشمىسى:] «پۇرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاپتوموبىل ئەتراپىدا تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ماتور ھەرىكەتلەنگەندىكى كۆيگەن بېنزىننىڭ سېسىق ھىدىنى پۇراشتى.

پۇراق

  • پۇراق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پۇراش سېزىمى ئارقىلىق سېزىلگەن ھەر خىل ھىد:[مىسال:] مەززىلىك پۇراق. سېسىق پۇراق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئالامەت، بەلگە، شەپە:[مىسال:] ئۇ كىشىنىڭ سۆز-ھەرىكىتىدىن ئەمەلدارلىق پۇراق چىقىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سۆزدە، ناخشا، مۇزىكا قاتارلىقلاردا ئۆزگىچە بىلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىك، خۇسۇسىيەت؛ ئۇسلۇب:[مىسال:] مەتتۇرسۇننىڭ تەلەپپۇزىدىن خوتەن تىلى دىئالكېتىنىڭ پۇرىقى چىقىپلا تۇرىدۇ.

پۇراقسىز

  • پۇراقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۇرىقى يوق، پۇرىقى بولمىغان:[مىسال:] چۆللەردە ياشنىغان يانتاقنىڭ ئەمما، شېكىرى كېسەلگە بولىدۇ داۋا. پۇراقسىز گۈل بولۇپ باغدا ئۆسكەندىن، چۆلدىكى يانتاقتەك ياشىغان ئەلا.

پۇراقلىق

  • پۇراقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۇرىقى بار، پۇراپ تۇرىدىغان:[مىسال:] خۇش پۇراقلىق گۈل. * يېزىلاردا ئورما ئاللىقاچان باشلىنىپ كەتتى، دېدى ۋالىي پۇراقلىق چايدىن بىر يۇتۇم ئىچىپ تۇرۇپ.

پۇر-پۇر

  • پۇر-پۇر[يەشمىسى:] «پۇر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

پۇرجا

  • پۇرجا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پۇرسەت، ۋاقىت.

پۇرچاق

  • پۇرچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① پۇرچاق ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك. دېنى قوشۇمچە يېمەكلىكلەر ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ دېنى:[مىسال:] [مىسال:] دادامغا يوق پۇرچاق ئانامغا نەدە (ماقال).

پۇرچاقچى

  • پۇرچاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۇرچاق تېرىپ ساتقۇچى كىشى.

پۇرچاقلىق

  • پۇرچاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۇرچاق تېرىلغان، پۇرچاق ئۆسكەن يەر:[مىسال:] بىز يەكشەنبە كۈنى پۈتۈن بىر كۈن پۇرچاقلىققا بېرىپ ئوت ئوتىدۇق.

پۇررىدە

  • پۇررىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① «پۇر» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ، «پۇر» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ھويلا تېمىدىن شۇڭغۇپ كىرگەن بىر قارلىغاچ بېشىمىز ئۈستىدىن پۇررىدە ئۇچۇپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەش-پەش دېگۈچە، تېزلا:[مىسال:] قوناققا بىرلا سۇ كىرىش بىلەن پۇررىدە كۆتۈرۈلۈپ، غوللىرى جانلىنىپ كەتتى.

پۇرژىنا

  • پۇرژىنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ھەر خىل ماشىنا ۋە مېخانىزملارغا ئورنىتىلغان، سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى بىلەن يىغىلىپ قىسقىرايدىغان ياكى ئۇزىرايدىغان ھەمدە ئۇزىرىغاندىن كېيىنمۇ ئەسلىي ھالىتىگە قايتالايدىغان بۇرىما شەكىللىك قاتتىق جىسىم. ئۇ ئادەتتە قېتىشما پولاتتىن ياسىلىدۇ.

پۇرژىنىلىق

  • پۇرژىنىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۇرژىنىسى بار، پۇرژىنا بېكىتىلگەن:[مىسال:] پۇرژىنىلىق ئورۇندۇق. * ئىچكىرىكى ئۆيدە ئىككى كىشىلىك قوش پۇرژىنىلىق سىم كارىۋات تۇراتتى.

پۇرسەت

  • پۇرسەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى بېجىرىش ئۈچۈن ئەڭ قولاي بولغان ۋاقىت، پەيت:[مىسال:] پۇرسەت كەلمەك. پۇرسەت كۈتمەك. پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماق.

پۇرسەتپەرەس

  • پۇرسەتپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ھەر قانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدىغان، پۇرسەت كۈتۈپ يۈرىدىغان، پۇرسەتنىڭ كويىغا چۈشكەن:[مىسال:] پۇرسەتپەرەس ئادەم. * ھۇشۇر گەپدان، ئىنتايىن پۇرسەتپەرەس بىرنېمە ئىدى.

پۇرسەتپەرەسلىك

  • پۇرسەتپەرەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۇرسەتتىن پايدىلىنىش:[مىسال:] بەزى گۇمانلىق كىشىلەر ئاپتوبۇستىكى ئادەملەرنى قەستەن قىستاپ پۇرسەتپەرەسلىك قىلىدۇ.

پۇرقەت

  • پۇرقەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئۆزىگە ئەزىز ۋە سۆيۈملۈك دەپ ھېسابلانغان كىشى ياكى نەرسىدىن ئايرىلىش؛ جۇدالىق، ھىجران:[مىسال:] نىگارىم خاكىپايى دەپ كۆزۈمگە تۇتىيا قىلدىم، بويۇم يادەك ئېگىلدى پۇرقىتىڭدىن جان بولۇپ بىمار.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

پۇرقەتلىك

  • پۇرقەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئايرىلغان، جۇدا بولغان:[مىسال:] ئەي ۋەتەن غېمىڭدا پۇرقەتلىك بېشىم، گەر ئۆلسەم زاتىمغا ئېتىم ئېلىشماس. سەن ئۈچۈن كۆزۈمدىن تۆكۈلگەن يېشىم، دۈشمەنگە قارشى گاڭ ئوقتىن قېلىشماس.

پۇرقۇتماق

  • پۇرقۇتماق[يەشمىسى:] «پۇرقۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۈگۈن شاد تەنتەنە ئىچىدە گۈزەل غۇلجا ناۋا قىلدى، چېچەكلەر پۇرقۇتۇپ ئىپار، چىمەنلەر شوق جۇلا قىلدى.

پۇرقۇشماق

  • پۇرقۇشماق[يەشمىسى:] «پۇرقۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بەس-بەستە گۈللەرگە سۇ پۇرقۇشۇۋاتاتتى.

پۇرقۇماق

  • پۇرقۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۇ ياكى باشقا نەرسىلەرنى ناسوس قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن چاچماق:[مىسال:] ئۇ بىكار بولسىلا گۈللەرگە سۇ پۇرقۇيتتى.[يەشمىسى:] ② ئات، ئېشەكلەر بوغۇز يېگەندە گېلىدا تۇرۇپ قالغان داننى ياندۇرۇش ئۈچۈن بۇرنىدىن ئاۋاز چىقىرىشىغا ئېيتىلىدۇ:[مىسال:] چىلان تورۇق ئات بوغۇز يەۋېتىپ، پات-پاتلا پۇرقۇپ قوياتتى.

پۇرقىراتماق

  • پۇرقىراتماق[يەشمىسى:] «پۇرقىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قەۋەتلىك بىنا ئالدىدا بىر كىشى رېشاتكىدىن ئاتلارغا قارىغان ھالدا پۇرقىرىتىپ تاماكا چەكمەكتە ئىدى.

پۇرقىراشماق

  • پۇرقىراشماق[يەشمىسى:] «پۇرقىرىماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پۇرقىرىماق

  • پۇرقىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىس-تۈتەك، پار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش گاز ھالىتىدىكى ماددىلار «پۇر-پۇر» قىلىپ كۆتۈرۈلمەك، ئۆرلىمەك:[مىسال:] يېڭى سېلىنغان ئۆينىڭ تۇرخۇنىدىن پۇرقىراپ ئىس چىقىشقا باشلىدى.

پۇرۇپكا

  • پۇرۇپكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولى ۋە يىلتىزى چوڭايغاندىن كېيىن تېنىنىڭ سىرتىدا ھاسىل بولىدىغان قوغدىغۇچى توقۇلما. ئۇ پارقىراق ۋە يېنىك بولىدۇ، سۇ ئۆتكۈزمەيدۇ، ئېلاستىكلىقى يۇقىرى بولىدۇ؛ توك، ئىسسىقلىق ۋە ئاۋاز قاتارلىقلارنى ياخشى ئۆتكۈزمەيدۇ. سانائەتتە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى ناھايىتى كەڭ.[يەشمىسى:] ② بوتۇلكا، شېشە ۋە ئىدىش قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئاغزىنى ئېتىش ئۈچۈن پۇرۇپكا دەرىخىدىن ياسالغان قاپقاق، ياپقۇچ.

پۇرۇپكىسىمان

  • پۇرۇپكىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەكلى پۇرۇپكىغا ئوخشايدىغان، پۇرۇپكىدەك:[مىسال:] ماتور گەۋدىسى ئارىسىغا ماي ئۆتكۈزمەيدىغان مەخسۇس پۇرۇپكىسىمان قەغەزلەر قويۇلىدۇ.

پۇرۇپكىلىق

  • پۇرۇپكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۇرۇپكىسى بار، پۇرۇپكا ئورنىتىلغان:[مىسال:] پۇرۇپكىلىق قاچا.

پۇرۇچ

  • پۇرۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرە، رەخت قاتارلىقلاردىن كىيىم-كېچەك پىچقاندا قالغان ئۇششاق پارچىسى:[مىسال:] تېرە پۇرۇچى. لاتا پۇرۇچى. * پۇرۇچ يىغساڭ تون بولۇر (ماقال).

پۇرۇلداتماق

  • پۇرۇلداتماق[يەشمىسى:] «پۇرۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پۇرۇلداشماق

  • پۇرۇلداشماق[يەشمىسى:] «پۇرۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پۇرۇلدىماق

  • پۇرۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پۇر-پۇر» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] خاماندىكى بىر توپ قۇشقاچ مۇشۈكنىڭ يۈگۈرۈپ كېلىىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ پۇرۇلداپ ئۇچۇپ كەتتى.

پۇرىتىلماق

  • پۇرىتىلماق[يەشمىسى:] «پۇراتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ياغ پۇرىتىلماق.

پۇرىماق

  • پۇرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پۇراش سېزىمى ئارقىلىق بىرەر پۇراقلىق نەرسىنىڭ پۇرىقىنى سەزمەك:[مىسال:] گۈل پۇرىماق. پۇراپ باقماق. * ئات قوي پادىسىنى ئايلىنىپ ئۆتتى-دە، يولنى نەچچە پۇراپ قويغاندىن كېيىن، پۇشقۇرغىنىچە يول بويلاپ ئالغا مېڭىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنىڭ پۇرىقى ھاۋا بىلەن قوشۇلۇپ ئۆز ئەتراپىغا تارىماق؛ دىماغقا ئۇرۇلماق؛ سېزىلمەك:[مىسال:] دوختۇردىن دورا پۇرايدۇ. * ئۇ گەپ قىلغاندا ئاغزىدىن تاماكا پۇرايتتى.[يەشمىسى:] ③ ئەسلىدىكى تەمى ۋە پۇرىقىدىن ئۆزگىرىپ باشقىچە پۇراق چىقىدىغان بولۇپ قالماق؛ بىقسىماق:[مىسال:] يازنىڭ كۈنى گۆش ناھايىتى ئاسان پۇرايدۇ.

پۇرىن

  • پۇرىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، مولېكۇلا فورمۇلىسى.C5 H4 N4 رەڭسىز كرىستال، ئادەم بەدىنىدە ئوكسىدلىنىپ سۈيدۈك كىسلاتاسىغا ئايلىنىدۇ.

پۇزا

  • پۇزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ياغاچتىن ئىككى تەرىپى ئىنچىكە (تۇتقۇچلۇق)، ئوتتۇرىسى توم قىلىپ ياسالغان، مانتا، سامسىلارنىڭ جىلتىسىنى ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل سايمان. [يەشمىسى:] ② موزدۇزلارنىڭ ئاياغ كىيىمىنىڭ ئاپقۇت ۋە باشلىقىنى سۈرۈپ پارقىرىتىدىغان كىچىك ياغاچ سايمىنى.

پۇزۇر

  • پۇزۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىرايلىق، سۆلەتلىك، مەدەنىي:[مىسال:] پۇزۇر ياسانماق.

پۇزۇرلاشماق

  • پۇزۇرلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پۇزۇر ھالەتكە كەلمەك، پۇزۇر بولماق:[مىسال:] ئۆي ئىچى بۇرۇنقىغا قارىغاندا بەكلا پۇزۇرلىشىپ كېتىپتۇ.

پۇزىلىماق

  • پۇزىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① زوۋۇلا قىلىنغان خېمىرنى پۇزا بىلەن ئاچماق:[مىسال:] خېمىرنى پۇزىلىماق.[يەشمىسى:] ② پۇزىنى ئاياغ كىيىمىگە سۈرتۈپ سىلىقلاتماق، پارقىراتماق:[مىسال:] ئۆتۈكنى پۇزىلىماق.

پۇس

  • پۇس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] يەل ۋە گاز ھالىتىدىكى جىسىملارنىڭ قاچىلانغان نەرسىنىڭ تۆشۈكىدىن مەلۇم بېسىم بىلەن سىرتقا ئېتىلىپ چىققاندا ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] ھارۋا كامېرىنىڭ يېلى «پۇس» قىلىپ چىقىپ كەتتى.

پۇستانچى

  • پۇستانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] نامەلۇم كىشىنى كۆرسىتىدۇ:[مىسال:] ئۇ پالاقلاپ يۈرۈپ كۆرگەنلا ئادەمگە «پالانچى ئانداق، پۇستانچى مۇنداق» دەپ غەيۋەت قىلىپ بېرەتتى.

پۇستانى

  • پۇستانى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] نامەلۇم ئادەم ياكى نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ:[مىسال:] ئۇ پۇستانى ئادەم. پۇستانى كىشى. پۇستانى نەرسە.

پۇسسىدە

  • پۇسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پۇس» قىلىپ ئاۋاز چىقارغان ھالدا، «پۇس» قىلىپ:[مىسال:] يولدا كېتىۋاتقان ھارۋىنىڭ كامېرىغا نېمىدۇر بىرنەرسە كىرىپ پۇسسىدە يېلى چىقىپ كەتتى.

پۇسكايتماق

  • پۇسكايتماق[يەشمىسى:] «پۇسكايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەيىب سىلىدە ئەمەس ئۇستام ئەيىب ماۋۇ جۇۋىدا، جۇۋا سىلىنى قوي سۈرىتىدە قىلىپ پۇسكايتىپ كۆرسىتىپ قويمىغان بولسا، بىز ھەرگىز تاپالمايتتۇق، دېدى ئۇ.

پۇسكايتىلماق

  • پۇسكايتىلماق[يەشمىسى:] «پۇسكايتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پۇسكايماق

  • پۇسكايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دۇڭغايماق، دومبىيىپ كۆرۈنمەك:[مىسال:] قارنىڭ ئاستىدا قىشىچە كۆمۈلۈپ ياتقان جەسەت ئەتىيازدا مانا مەن دەپ پۇسكىيىپ ئاشكارىلاندى.

پۇسكىيىشماق

  • پۇسكىيىشماق[يەشمىسى:] «پۇسكايماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پۇسمىلاق

  • پۇسمىلاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇمىلاق ۋە سېمىز (چىراي، تەن قۇرۇلۇشى ھەققىدە):[مىسال:] ئۇنىڭ ئاق پۇسمىلاق كەلگەن بىرلا قىزى بار.

پۇسۇر

  • پۇسۇر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بەزى كىشىلەر يول يۈرگەندە ئايىغىدىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] پۇسۇر قىلىپ ماڭماق.

پۇسۇر-پۇسۇر

  • پۇسۇر-پۇسۇر[يەشمىسى:] «پۇسۇر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] پۇسۇر-پۇسۇر مېڭىپلا يۈرمەي، ئولتۇرۇپ دەرسىڭنى تەييارلىساڭچۇ، -دېدى ئانىسى ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ.

پۇسۇرلىماق

  • پۇسۇرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پۇسۇر» قىلىپ ماڭماق:[مىسال:] زىۋىرشا ئادىتى بويىچە ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ قاراڭغۇ ھويلىسىدا پۇسۇرلاپ يۈرگەنىكەن.

پۇسۇلدىماق

  • پۇسۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پۇس-پۇس» قىلغان ئاۋاز چىقارماق.

پۇش

  • پۇش[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① ئادەم ۋە بەزى ھايۋانلارنىڭ ھاسىراپ تىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] پۇش قىلىپ ھاسىرىماق.[يەشمىسى:] ② پار ياكى قايناق سۇنىڭ مەلۇم تۆشۈكتىن بېسىم بىلەن ئېتىلىپ چىقىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] پويىز بېكەتكە يېتىپ كېلىپ توختىشى بىلەن تەڭ «پۇش» قىلىپ پار قويۇپ بەردى.

پۇشايمان

  • پۇشايمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن روھىي جەھەتتىن ئازابلىنىش، ئەپسۇسلىنىش، ئۆكۈنچ؛ ھەسرەت، نادامەت:[مىسال:] كېيىنكى پۇشايمان ئۆزىگە دۈشمەن (ماقال).

پۇشايمانسىز

  • پۇشايمانسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پۇشايمان قىلماي، پۇشايمان يېمەي:[مىسال:] ئۆمۈرنى پۇشايمانسىز ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ۋىجدانىڭ بولسۇنكى جېنىڭدىن ئەلا. ھەر سۆزۈڭ قىلىچ بولۇپ قىرسۇن دۈشمەننى، ئىرادەڭ ئالدىدا خەس بولسۇن بالا.

پۇشايمانلىق

  • پۇشايمانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۇشايمىنى بار، پۇشايمان يېگەن:[مىسال:] ئۇنىڭ پۇشايمانلىق ياشلىرى كۆزىدىن خۇددى يىپى ئۇزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى.

پۇش-پۇش

  • پۇش-پۇش[يەشمىسى:] «پۇش» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] يېڭىلا ئوپېراتسىيىدىن چىققان كېسەل «پۇش-پۇش» تىنىپ ئۇخلاۋېتىپتۇ.

پۇشت

  • پۇشت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئادەم ياكى نەرسىلەرنىڭ ئۇرۇقى ياكى تۇخۇمىدا بولىدىغان، مەلۇم شارائىتتا راۋاجلىنىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدىغان، ئۆز راۋاجلىنىشىنىڭ باشلانغۇچ باسقۇچىدىكى ھۈجەيرىسى:[مىسال:] مەن ئۆز پۇشتۇمدىن تاپقان بالىنىڭ خۇي-پەيلىنى بۈگۈن بىلىۋالدىم.[يەشمىسى:] ② ھەرقانداق بىر ئائىلىنىڭ ئۆزىدىن ئاۋۋالقى ئەجدادى ۋە كېيىنكى ئەۋلادى، نەسلى:[مىسال:] ھاكىم ھەرقانچە ئەرشىئەلاغا چىقىپ كەتسىمۇ يەنە شۇ بوۋاينىڭ پۇشتىغۇ

پۇشتاڭ

  • پۇشتاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئات توقۇغاندا كۆرپىنىڭ ئۈستىدىن تارتىدىغان تۆشلۈك.

پۇشتەك

  • پۇشتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېتال، يالتىراق قاتارلىقلاردىن ياسالغان، پۈۋلەپ چالىدىغان كىچىك سايمان. بۇ كۆپىنچە كىشىلەرنى بىر يەرگە يىغىش، گىمناستىكا، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى قاتارلىق پائالىيەتلەردە ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] پۇشتەك چالماق.

پۇشتگەردان

  • پۇشتگەردان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] نەققاشلارنىڭ نەقىش ئويۇشتا ئىشلىتىدىغان ئەگرى پىچىقى.

پۇشتىپاناھ

  • پۇشتىپاناھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پۇشت+ى+پاناھ[[يەشمىسى:] ئىشەنچلىك، ھىمايىچى، ھامىي:[مىسال:] رەھىم ئەيلىدى ئول خۇدايىم، پىرلار بولدى پۇشتىپاناھىم، ھەققە يەتتى چەككەن ئاھىم، يۈسۈپ ئەھمەد شاھنى كۆردۈم.

پۇشتىپاناھسىز

  • پۇشتىپاناھسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشەنچىلىك ھىمايىچىسى يوق، ھامىيسىز:[مىسال:] ئۇ بىر پۇشتىپاناھسىز يېتىم بالا ئىدى.

پۇشتىپاناھلىق

  • پۇشتىپاناھلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشەنچىلىك ھىمايىچىگە ئىگە، ھامىيىسى بار:[مىسال:] ئۇ ئەمدى پۇشتىپاناھلىق، غەمخورلىرى بار بىر يىگىتكە ئايلاندى.

پۇشقۇرتماق

  • پۇشقۇرتماق[يەشمىسى:] «پۇشقۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئېشىكىنىڭ بۇرنىنى تاياق بىلەن غىدىقلاپ پۇشقۇرتاتتى.

پۇشقۇرماق

  • پۇشقۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بۇرنىنى قاقماق، چۈشكۈرمەك (ئات، ئېشەك، قېچىر قاتارلىق ھايۋانلارغا قارىتا):[مىسال:] ئۆرۈككە باغلانغان بوغاز ئېشەك ئۇزۇن-ئۇزۇن تاۋۇش بىلەن پۇشقۇرۇپ تۇراتتى.

پۇشقۇرۇشماق

  • پۇشقۇرۇشماق[يەشمىسى:] «پۇشقۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاتلارمۇ ئىگىسىنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنگەندەك پۇشقۇرۇشۇپ، قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ، يورغىلاپ ماڭماقتا ئىدى.

پۇشماق

  • پۇشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆپىنچە ئىگىلىك بىلەن تۈرلەنگەن «ئىچ» سۆزىدىن كېيىن كېلىپ، «تىت-تىت بولماق، زېرىكمەك، تاقەتسىزلەنمەك» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئىچىم پۇشتى. ئىچىڭ پۇشۇۋاتامدۇ

پۇشۇرماق

  • پۇشۇرماق[يەشمىسى:] «پۇشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بولدى، بولدى يىگىتۋېشى، ئىچىڭىزنى تولا پۇشۇرماڭ، دېدى مۇھەممەتكېرىم خۇشامەت بىلەن ھىجىيىپ تۇرۇپ توختىنىيازغا.

پۇشۇرۇشماق

  • پۇشۇرۇشماق[يەشمىسى:] «پۇشۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇنچىۋالا ئىچىمىزنى پۇشۇرۇشۇپ ئولتۇرغىچە ناخشا-ساز بىلەن كۆڭلىمىزنى ئاچمايمىزمۇ، دېدى ئارسلان.

پۇشۇق

  • پۇشۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم سەۋەب بىلەن كىشىنىڭ روھىي كەيپىياتىدا ھاسىل بولىدىغان بىر خىل زېرىكىش، تىت-تىتلىق ھالەت:[مىسال:] مەندە ئوقۇسا ئىچ پۇشۇقى چىقىرىدىغان كىتاب يوق.

پۇشۇقماق

  • پۇشۇقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىچى تىتىلدىماق، جىلە بولماق:[مىسال:] ھاشىم ئاكام شېرىن ئۇيقۇسىنىڭ بۆلۈنۈپ كەتكىنىگە پۇشۇقۇپ قالدى.

پۇشۇلداتماق

  • پۇشۇلداتماق[يەشمىسى:] «پۇشۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بارە، نېرى بۇرنۇڭنى پۇشۇلداتماي، دېدى خالىق ئاچچىقى بىلەن.

پۇشۇلداشماق

  • پۇشۇلداشماق[يەشمىسى:] «پۇشۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يۈك يۈكلەنگەن قوتازلار بولسا ئېغىر پۇشۇلدىشىپ سۇرمانىڭ قېشىدا تىزىلىپ ياتتى.

پۇشۇلدىماق

  • پۇشۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بۇرۇن بىلەن «پۇش-پۇش» ئاۋاز چىقىرىپ تىنماق، ھاسىرىماق:[مىسال:] ئۇ خۇددى يىراق يەردىن كەلگەندەك پۇشۇلداپ كەتتى.

پۇقرا

  • پۇقرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر دۆلەتنىڭ تەۋەلىكىدىكى ۋە شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتىن بەھرىمەن بولىدىغان كىشى.[يەشمىسى:] ② ئاددىي ئاۋام خەلق:[مىسال:] ئوت قويسا ئامبال يوق سوراق، پۇقرا ياقالمايدۇ چىراغ (ماقال).

پۇقراپەرۋەر

  • پۇقراپەرۋەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] پۇقرالارنىڭ تەلەپ-ئېھتىياجىنى، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ھەمدە ھەرتەرەپلىمە ياردەم بېرىدىغان؛ پۇقرالارنى ياقلايدىغان، پۇقرا تەرەپدارى:[مىسال:] پۇقراپەرۋەر رەھبەر. پۇقراپەرۋەر بولماق.

پۇقراچە

  • پۇقراچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پۇقرالار پاسونىدا، پۇقرالارغا ئوخشاش، ئاددىي ئاۋام خەلقتەك:[مىسال:] پۇقراچە كىيىنمەك.

پۇقراچىلىق

  • پۇقراچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۇقرالارغا خاس تۇرمۇش؛ پۇقرالارغا خاس ھال-ئەھۋال؛ پۇقرالار ئىگە بولالىغۇدەك ھوقۇق، ئىمكانىيەت:[مىسال:] نېمە ئىلاج، پۇقراچىلىق-تە.

پۇقرالىق

  • پۇقرالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۇقرالارغا خاس، پۇقرالارغا تېگىشلىك:[مىسال:] پۇقرالىق ھوقۇق. پۇقرالىق گۇۋاھنامە.

پۇڭⅠ

  • پۇڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] يەر يۈزى ئۆلچەم بىرلىكى، كۆلىمى تەخمىنەن 66 كۋادرات مېتىرغا تەڭ بولىدۇ.

پۇڭⅡ

  • پۇڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئەڭ كىچىك پارچە پۇل بىرلىكى، بىر پۇڭ ئون لىغا تەڭ بولىدۇ.

پۇڭلۇقⅠ

  • پۇڭلۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆلىمى پۇڭغا باراۋەر كېلىدىغان، پۇڭ چوڭلۇقىدا:[مىسال:] بۇ ئىككى پۇڭلۇق بۇغداي يېرى ئىدى.

پۇڭلۇقⅡ

  • پۇڭلۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۇڭ قىممىتىدىكى، پۇڭغا تەڭ:[مىسال:] ئىككى پۇڭلۇق پۇل. * ئۇ يانچۇقىدىن بىر دانە بەش پۇڭلۇق مېتال پۇلنى ئالدى.

پۇڭمەنزە

  • پۇڭمەنزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ماش ئۇنى. ئۇنىڭدىن لەڭپۇڭ ۋە پىنتوزا ئىشلىنىدۇ.

پۇل

  • پۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① سودا مۇئامىلىلىرىدە ئىقتىساد ئالماشتۇرۇشتا ۋاسىتىلىك رول ئوينايدىغان، دۆلەت مالىيىسىگە ئاساسەن دۆلەت تەرىپىدىن مەلۇم دەرىجىدە مۇقىم ۋە بەلگىلىك ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە قىلىپ تۇراقلاشتۇرۇلغان، مېتال ياكى قەغەزدىن ياسالغان بەلگە؛ ئاقچا:[مىسال:] قەغەز پۇل. * پۇل دېگەن قولنىڭ كىرى (ماقال).[يەشمىسى:] ② كاپىتال، مەبلەغ:[مىسال:] قۇرۇلۇشقا پۇل ئاجراتماق.

پۇلا

  • پۇلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوتسىۋانا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇل بىرلىكى.

پۇلاڭ

  • پۇلاڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرنەرسىنىڭ مەلۇم بىر تەرەپكە سىلكىنىپ يانتۇلىشىش ھالىتى:[مىسال:] پۇلاڭ-پۇلاڭ. پۇلاڭ قىلماق.

پۇلاڭ-پۇلاڭ

  • پۇلاڭ-پۇلاڭ[يەشمىسى:] «پۇلاڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

پۇلاڭ-سالاڭ

  • پۇلاڭ-سالاڭ[يەشمىسى:] پۇلاڭ قىلغان ۋە شۇ خىلدىكى ھالەت:[مىسال:] سېھرىي كۈچىدىن قالغان جادۇگەر پۇلاڭ-سالاڭ دەسسەپ ئۆزىنى دالدىغا ئالدى.

پۇلاڭڭىدە

  • پۇلاڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پۇلاڭ» قىلغان ھالدا:[مىسال:] پۇلاڭڭىدە چۈشمەك. پۇلاڭڭىدە يىقىلماق.

پۇلاڭلاتماق

  • پۇلاڭلاتماق[يەشمىسى:] «پۇلاڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سونۇر غۇلىچىنى كەڭ كېرىپ يوغان مۇشتۇمىنى ھاۋادا پۇلاڭلاتتى.

پۇلاڭلاشماق

  • پۇلاڭلاشماق[يەشمىسى:] «پۇلاڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پۇلاڭلىماق

  • پۇلاڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىككى تەرەپكە سىلكىنمەك، چايقالماق:[مىسال:] باراڭدىكى قاپاقلار شامالدا پۇلاڭلاپ تۇراتتى.

پۇل-بىسات

  • پۇل-بىسات[يەشمىسى:] پۇل ۋە پۇلغا يارايدىغان نەرسە-كېرەكلەر.

پۇلپەرەس

  • پۇلپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پۇلغا ئامراق، دائىم پۇلنىڭ غېمىدە بولىدىغان:[مىسال:] ئۇ دۇنياغا تويمايدىغان پۇلپەرەس ئادەملەرنىڭ بىرى.

پۇلپەرەسلىك

  • پۇلپەرەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۇلغا ئامراقلىق، دائىم پۇلنىڭ غېمىدە يۈرۈش:[مىسال:] ئادەتتە، پۇلپەرەسلىك كىشىلەرگە ياخشى ئاقىۋەت كەلتۈرگەن ئەمەس.

پۇل-پۇچەك

  • پۇل-پۇچەك[يەشمىسى:] پۇل ۋە پۇلنىڭ رولىنى ئوينايدىغان نەرسىلەر:[مىسال:] ياخشى كۈنلەر كېلىۋاتىدۇ. قورساق قايغۇسىدىن قۇتۇلۇپلا قالماي، پۇل-پۇچەككىمۇ، رۇزىغارغىمۇ ئېرىشتۇق، دېدى مەسۇم ئاكام بىر يۆتىلىپ قويۇپ.

پۇلتايتماق

  • پۇلتايتماق[يەشمىسى:] «پۇلتايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ كۆزلىرىنى پۇلتايتىپ، نەدىكى سەت قىلىقلارنى قىلاتتى.

پۇلتايماق

  • پۇلتايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىچكى قىسمىدىن تومپىيىپ سىرتقا چىقىپ تۇرماق:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈزىگە بىر نەرسە پۇلتىيىپ چىقىپ قاپتۇ.

پۇلتىيىشچان

  • پۇلتىيىشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسانلا پۇلتىيىپ چىقىدىغان، پۇلتىيىپ چىقىش بىلەن پەرقلىنىدىغان:[مىسال:] پۇلتىيىشچان قالقان بەز ئىششىقى.

پۇلتىيىشماق

  • پۇلتىيىشماق[يەشمىسى:] «پۇلتايماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پۇلدار

  • پۇلدار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كۆپ پۇلغا ئىگە بولغان، پۇلى كۆپ:[مىسال:] پۇلدار ئادەم. پۇلدار ئائىلە.

پۇلدان

  • پۇلدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مەخسۇس پۇل سېلىپ يۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەنگەن قاپچۇق.

پۇلسىرات

  • پۇلسىرات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىنىي ئەقىدىلەرگە كۆرە، دوزاخ ئۈستىدىكى ساۋابلىق ئىش قىلغان كىشىلەرلا ئۆتەلەيدىغان كۆۋرۈكنىڭ نامى:[مىسال:] پۇلسىرات كۆۋرۈكى. پۇلسىراتتىن ئۆتمەك.

پۇلسىز

  • پۇلسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پۇلى يوق، پۇلى بولمىغان:[مىسال:] پۇلسىز ئادەم. ∥ مەن بۇ يەردىن قايتقاندا پۇلسىز قالماي دەپ، پۇلۇمنىڭ يېرىمىنى بىر يەرگە يوشۇردۇم.[يەشمىسى:] ② پۇل تۆلەنمەيدىغان، ھەقسىز، بىكارغا:[مىسال:] پۇلسىز داۋالىماق. پۇلسىز كىنو قويماق. * ھۆكۈمەت بالىلارنى پۇلسىز ئوقۇتتى.

پۇلسىزلىق

  • پۇلسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۇلى يوقلۇق، پۇلى بولماسلىق.

پۇللۇق

  • پۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پۇلى بار، پۇلى كۆپ:[مىسال:] پۇللۇق ئادەملەردە بەختكە قارىغاندا غەم كۆپ بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باھاسى يۇقىرى، قىممەت باھادىكى، قىممەتلىك:[مىسال:] پۇللۇق نەرسە. پۇللۇق گىلەم.

پۇل-مال

  • پۇل-مال[يەشمىسى:] پۇل ۋە مال، مال-دۇنيا.

پۇلۇق

  • پۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كىچىك سېۋەت، قوشۇقلۇق.

پۇمىي

  • پۇمىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ لەنپىڭ، نىڭلاڭ، ۋېيشى قاتارلىق ناھىيىلىرىگە جايلاشقان.

پۇنۇس

  • پۇنۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يۇمران مايسىسى ۋە يۇمران مېۋىسىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ؛ ئۇرۇقىنى چاي ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ پىشقان ئۇرۇقى دورا قىلىنىدۇ؛ ئۆتنى تازىلاش، ئىسسىق يەلنى ھەيدەش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، ئۈچەينى سىلىقلاش رولىغا ئىگە.

پۇيپۇلىماق

  • پۇيپۇلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① ئاياغ ئاستى قىلماق، دەسسىمەك، بوزەك قىلماق.[يەشمىسى:] ② باھانە قىلماق، ئاغى قىلماق.

پۆپۈچەك

  • پۆپۈچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ پۆپۈككە ئوخشايدىغان قىسمى، پۆپۈكى:[مىسال:] قوناقنىڭ پۆپۈچىكى.

پۆپۈچەكلىك

  • پۆپۈچەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۆپۈچىكى بار، پۆپۈچەككە ئىگە.

پۆپۈك

  • پۆپۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنى بېزەش ئۈچۈن قادىلىدىغان بىر باغلام يىپ ياكى تالا-تالا قىلىپ كېسىلگەن قەغەز ۋە رەخت ياكى رەڭدار قۇش پېيى:[مىسال:] دوپپىنىڭ پۆپۈكى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنىڭ بىر ئۇچىغا ياكى چۆرىسىگە تۇتۇلغان ياكى ئۆزىدىن ئىشلەنگەن تالالار:[مىسال:] قامچىنىڭ پۆپۈكى. نەيزىنىڭ پۆپۈكى. لەۋھەنىڭ پۆپۈكى.[يەشمىسى:] ③ قۇشلارنىڭ بېشىدىكى پۆپۈك شەكلىدە بىرئاز ئېگىز ئۆسكەن تۈكلىرى:[مىسال:] دەمدەرنىڭ پۆپۈكى. تۇخۇنىڭ پۆپۈكى.[يەشمىسى:] ④ بەزى زىرائەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماق چىقىرىش توختىغاندىن كېيىن ئۆسۈپ چىقىدىغان پۆپۈككە ئوخشاش قىسمى:[مىسال:] قوناقلار تەكشى پۆپۈك چىقاردى.

پۆپۈكسىز

  • پۆپۈكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۆپۈكى يوق، پۆپۈك ئېسىلمىغان:[مىسال:] پۈپۈكسىز قىلىچ.

پۆپۈكسىمان

  • پۆپۈكسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۆپۈكتەك، پۆپۈككە ئوخشايدىغان:[مىسال:] پۆپۈكسىمان چاچ.

پۆپۈكلىمەك

  • پۆپۈكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قوناق، قومۇش قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر پۆپۈك چىقارماق.

پۆپۈكلۈك

  • پۆپۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۆپۈكى بار، پۆپۈكى بولغان:[مىسال:] پۆپۈكلۈك مېكىيان. پۆپۈكلۈك قامچا.

پۆرە

  • پۆرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خېمىرنىڭ ئىچىگە كۆكتات، گۆش، تۇخۇم قاتارلىقلاردىن قىلىنغان قىيمىنى سېلىپ، قازان ياكى تاۋىدا پىشۇرۇلىدىغان سامسا تۈرىدىكى بىر خىل تاماق.

پۆشۈلۈ

  • پۆشۈلۈ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] گاچا، دۆت، ھاڭۋاقتى، پاڭقۇش.

پۈتەي

  • پۈتەي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېشىلمىگەن ياكى تولۇق تېشىلمىگەن:[مىسال:] پۈتەي تۆمۈر. پۈتەي نوكەش.

پۈتەيلىك

  • پۈتەيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۈتەي ھالەت.

پۈتكۈزمەكⅠ

  • پۈتكۈزمەكⅠ[يەشمىسى:] «پۈتمەكⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ سۆھبەت بولۇپ ئۈچ كۈن ئۆتمەيلا، سۇلايمان ئۆزىنىڭ ماقالىسىنى يېزىپ پۈتكۈزدى.

پۈتكۈزمەكⅡ

  • پۈتكۈزمەكⅡ[يەشمىسى:] «پۈتمەكⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ناھايىتى خۇشال بولغان پادىشاھ لەشكىرى مىرزىنى ئالدىغا چاقىرتىپ تىلخەت پۈتكۈزۈپتۇ.

پۈتكۈزمەكⅢ

  • پۈتكۈزمەكⅢ[يەشمىسى:] «پۈتمەكⅢ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ بەرگەن دورىسى بۇرنۇمنى پۈتكۈزۈپ قويدى.

پۈتكۈزۈشمەكⅠ

  • پۈتكۈزۈشمەكⅠ[يەشمىسى:] «پۈتكۈزمەكⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قەدىرلەشتى مىنۇت-سېكۇنتنى، ئازايتىشچۈن ئۇلار زىياننى. غەلىبە قىلىپ بۇ نازۇك ئىشتا، پۈتكۈزۈشتى يېڭى داستاننى.

پۈتكۈزۈشمەكⅡ

  • پۈتكۈزۈشمەكⅡ[يەشمىسى:] «پۈتكۈزمەكⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.پۈتكۈزۈشمەكⅢ «پۈتكۈزمەكⅢ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پۈتكۈزۈلمەكⅠ

  • پۈتكۈزۈلمەكⅠ[يەشمىسى:] «پۈتكۈزمەكⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ بىنا ناھايىتى تەستە پۈتكۈزۈلدى.

پۈتكۈزۈلمەكⅡ

  • پۈتكۈزۈلمەكⅡ[يەشمىسى:] «پۈتكۈزمەك» پېئلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پۈتكۈزۈلمەكⅢ

  • پۈتكۈزۈلمەكⅢ[يەشمىسى:] «پۈتكۈزمەكⅢ»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پۈتكۈل

  • پۈتكۈل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بارلىق، پۈتۈن:[مىسال:] پۈتكۈل دۇنيا. پۈتكۈل خەلق.

پۈتمەس

  • پۈتمەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۈتمەيدىغان، تۈگىمەيدىغان، چېكى يوق، چەكسىز:[مىسال:] ھارۋىنىڭ جابدۇقى پۈتمەس، خوتۇن كىشىنىڭ كىيىمى پۈتمەس (ماقال).

پۈتمەس-تۈگىمەس

  • پۈتمەس-تۈگىمەس[يەشمىسى:] پۈتمەيدىغان ھەم تۈگىمەيدىغان، چەكسىز، ھېسابسىز:[مىسال:] مەن پۈتمەس-تۈگىمەس خۇشاللىق ئىچىدە مۇئەللىمنىڭ كۆزلىرىگە باقتىم.

پۈتمەكⅠ

  • پۈتمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئاخىرىغا يەتمەك، تاماملانماق، تۈگىمەك، ئاياغلاشماق:[مىسال:] تەييارلىق پۈتمەك. * پۇلۇڭنىڭ كەتكىنىگە قارىما، ئىشىڭنىڭ پۈتكىنىگە قارا (ماقال).[يەشمىسى:] ② تەييار بولماق:[مىسال:] كىيىم پۈتمەك. * كۆپچىلىكنىڭ جان پىدالىق بىلەن ئىشلىشى ئارقىلىق قۇرۇلۇش مۆلچەرلىگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتتى.

پۈتمەكⅡ

  • پۈتمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يازماق، خاتىرىلىمەك:[مىسال:] ئامان شاھ ئۆز شەھىرىگە قايتقاندىن كېيىن، دەرھال بىر پۈتۈك پۈتۈپ ئەلچىلەرگە تۇتقۇزۇپ يولغا ساپتۇ.

پۈتمەكⅢ

  • پۈتمەكⅢ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىچىدىكى بوشلۇق تىنىپ كەتمەك، تۆشۈكى ئېتىلىپ قالماق؛ پۈتەي ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] يىڭنىنىڭ تۆشۈكى پۈتۈپ قاپتۇ.[يەشمىسى:] ② بوغۇلماق، گاراڭ بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئۇنىڭ قۇلىقى پۈتۈپ قاپتۇ. * ناخشىچى قىزنىڭ ئاۋازى بىرئاز پۈتۈپ قالدى.

پۈتمەكⅣ

  • پۈتمەكⅣ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىشەنمەك:[مىسال:] باشقىلارنىڭ سۆزىگە چىن پۈتمەك.

پۈتمىش

  • پۈتمىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پېشانىگە پۈتۈلگەن كۆرگۈلۈك، تەقدىر:[مىسال:] مۇشۇ گۈزەل زېمىندىن، قۇشلارنىڭ شوخ سايراشلىرىدىن ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ كىشىنىڭ، لېكىن نېمە چارە بار، پۈتمىشىگە تەن بېرىش كېرەك-تە!

پۈتۈشتۈرمەك

  • پۈتۈشتۈرمەك[يەشمىسى:] «پۈتۈشمەكⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پۈتۈشمەكⅠ

  • پۈتۈشمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كېلىشمەك، توختاملاشماق، قارارلاشماق:[مىسال:] ئەزىز ئاق كۆڭۈل، ئەخلاقلىق قىز رەھىمە بىلەن دېكابىر ئايلىرىدا توي قىلىشقا پۈتۈشكەنىدى.

پۈتۈشمەكⅡ

  • پۈتۈشمەكⅡ[يەشمىسى:] «پۈتمەكⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئولتۇراتتى بالىلار، بۇندا كىتاب ئوقۇشۇپ، تەسىراتنى بەس-بەستە، دەپتىرىگە پۈتۈشۈپ.

پۈتۈشمەكⅢ

  • پۈتۈشمەكⅢ[يەشمىسى:] «پۈتمەكⅢ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مەرھۇمنىڭ بالىلىرى تولا يىغلىشىپ، ئاۋازلىرى پۈتۈشۈپ كەتتى.

پۈتۈشمەكⅣ

  • پۈتۈشمەكⅣ[يەشمىسى:] «پۈتمەكⅣ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھەرقايسىلىرى مېنىڭ گېپىمگە پۈتۈشمەيۋاتاملا نېمە

پۈتۈكⅠ

  • پۈتۈكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېزىلغان، ئويۇلغان ياكى بېسىلغان يېزىق؛ خەت، مەكتۇپ، كىتاب:[مىسال:] مەن كۆرگەن تېبابەت پۈتۈكلىرىدە «ماش تالقىنى يۈرەكنى ئاسرايدۇ، ئاغرىقنىڭ زەھىرىنى يۈرەككە ئۆتكۈزمەيدۇ» دېيىلگەن.

پۈتۈكⅡ

  • پۈتۈكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بوشلۇق تىنىپ قالغان؛ تۆشۈكى ئېتىلىپ قالغان، پۈتەي:[مىسال:] بۇ يىڭنىنىڭ كۆزى پۈتۈك ئىكەن.[يەشمىسى:] ② بوغۇلغان، ياڭراق چىقمايدىغان بولۇپ قالغان:[مىسال:] ئۈنى پۈتۈك.

پۈتۈكچى

  • پۈتۈكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېزىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى، كاتىپ:[مىسال:] پۈتۈكچى بولسا مەكتۇپ يېزىۋاتىدۇ.

پۈتۈكچىلىك

  • پۈتۈكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېزىش، خاتىرىلەش ئىشلىرى، كاتىباتچىلىق.

پۈتۈكلۈك

  • پۈتۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۈتۈلگەن، پۈتۈلگەن پېتى:[مىسال:] خانىش كۈلۈپ كېتىپ، ئېرىنىڭ ئەمرى پۈتۈلگەن قەغەزنى قولىغا ئاپتۇ: مانا بۇنىڭغا پۈتۈكلۈك تۇرۇپتۇ، دەپتۇ خانىش.

پۈتۈلمەك

  • پۈتۈلمەك[يەشمىسى:] «پۈتمەكⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] خەت پۈتۈلۈپ بولغاندىن كېيىن تۆمۈر ساناق ئېلىۋاتقان تەيجى كۈمۈش تامغىسىنى باستى.

پۈتۈم

  • پۈتۈم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توختام، كېلىشىم، قارار:[مىسال:] ۋەزىر پادىشاھنىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىلىپ، پۈتۈم يېزىپ، پادىشاھنىڭ مۆھۈرىنى بېسىپتۇ.

پۈتۈن

  • پۈتۈن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① سۇنمىغان، كەم يېرى يوق، پارچە ياكى يېرىم ئەمەس:[مىسال:] پۈتۈن نان. * بوغۇزنى پۈتۈن يېسە، ئايىغىدىن تۈتۈن چىقار (ماقال).[يەشمىسى:] ② بارلىق، بارچە، ھەممە:[مىسال:] پۈتۈن دۇنيا. پۈتۈن كادىرلار. * ئۇ، ئۆزىنىڭ بىر ناخشىسى ئارقىلىق قەلب سىرىنى پۈتۈن يۇرتقا جاكارلىدى.[يەشمىسى:] ③ تولۇق، مۇكەممەل:[مىسال:] ئۇلار يىل بويى ئىشلىسىمۇ قورسىقى تويمايتتى، كىيىمى پۈتۈن بولمايتتى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خاتىرجەم؛ توق (كۆڭۈل ھەققىدە):[مىسال:] مانا ھەبىبۇل ئەل غېمىدە ئەسكەر بولدى، يۇرت كۆردى، كۆزى ئېچىلدى، چېنىقتى، ئەمدى ئۇنى ھەرقانداق ئىشقا قويمايلى، كۆڭلىمىز پۈتۈن تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] كەسىر سانى بولمىغان، كەسىرگە ئايلانمىغان:[مىسال:] پۈتۈن سان.[يەشمىسى:] ⑥ چوڭ، پارچە ئەمەس (پۇل ھەققىدە):[مىسال:] بانكىدىن مىڭ يۈەن پۇل ئالسام ساپ يۈز يۈەنلىك، ئون يۈەنلىك پۈتۈن پۇل بەردى.

پۈتۈن-سۈرۈك

  • پۈتۈن-سۈرۈك[يەشمىسى:] پۈتۈن، راۋۇرۇس:[مىسال:] پۈتۈن-سۈرۈك بىر قوينىڭ گۆشى. پۈتۈن-سۈرۈك بىر ئات.

پۈتۈنلەتمەك

  • پۈتۈنلەتمەك[يەشمىسى:] «پۈتۈنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن پۈتۈن تىجارەتتە چۈشكەن بارلىق پارچە پۇللارنى بانكىدا پۈتۈنلىتىۋالدىم.

پۈتۈنلەشمەك

  • پۈتۈنلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پۈتۈن ھالەتكە كەلمەك، پۈتۈن بولماق:[مىسال:] بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ، رىزقىمىز پۈتۈنلەشتى. * پۇقرالارنىڭ نېنى پۈتۈنلەشتى.

پۈتۈنلەنمەك

  • پۈتۈنلەنمەك[يەشمىسى:] «پۈتۈنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پۈتۈنلەي

  • پۈتۈنلەي[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① تامامەن، تولۇق:[مىسال:] ئايشەم ھەدە ئۇنىڭ مەقسىتىنى پۈتۈنلەي چۈشەندى.[يەشمىسى:] ② ئۈزۈل-كېسىل؛ قەتئىي، تولۇق:[مىسال:] مەن دېھقانلىرىمىزنىڭ ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكتىن تېخى پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ كەتمىگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.[يەشمىسى:] ③ ھېچ؛ ئەسلا؛ زادى:[مىسال:] تاشۋاي ئۈچۈن گۇندىپاينىڭ بۇ مەسلىھەتلىرى پۈتۈنلەي ئويلىمىغان يەردىن چىقىۋاتاتتى.

پۈتۈنلۈك

  • پۈتۈنلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پۈتۈن ھالەت، پۈتۈن ھالەتتىكى شەكىل:[مىسال:] پۈتۈنلۈك نەزەرىيىسى. * بۇ ھال بىزدىن پۈتۈنلۈكنى تەتقىق قىلىش ۋە پۈتۈنلۈكنى چۈشىنىش بىلەن قىسمەنلىكنى تەتقىق قىلىش ۋە قىسمەنلىكنى چۈشىنىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.[يەشمىسى:]> ②پەلسەپە<[يەشمىسى:] زىددىيەتلىك ئىككى تەرەپنىڭ مۇئەييەن شەرت بىلەن بىر پۈتۈن نەرسە ھالىتىدە تۇرۇشى، يەنى نىسبىي جىملىق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان شەيئى ياكى جەريان.

پۈتۈنلىمەك

  • پۈتۈنلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پۈتۈن ھالەتكە كەلتۈرمەك، پۈتۈن قىلماق:[مىسال:] بالا بىراۋنىڭ سىرتتىن كىرگەن ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ ئۇشتۇلغان ناننى ئاستا پۈتۈنلەپ قويدى.[يەشمىسى:] ② كېمىنى تولدۇرماق، تولۇقلىماق:[مىسال:] ساۋۇر ئاكام تاغارنى ئاچتى-دە، يەنە ئۈچ چارەك بۇغداينى ھارۋا ئۈستىدىكى تاغارغا قۇيۇپ ئۇنى پۈتۈنلەپ ئون چارەك قىلىپ بازارغا سېتىشقا ماڭدى.[يەشمىسى:] ③ ئۇششاق، پارچە پۇلنى چوڭ پۇلغا ئالماشتۇرماق:[مىسال:] بۈگۈنكى سودىدا چۈشكەن پارچە پۇللارنى بانكىغا ئاپىرىپ پۈتۈنلەپ كەلدىم.[يەشمىسى:] ④ ساننىڭ تاشلىۋېتىدىغان قىسمىنىڭ ئالدىنقى بىر خانىسىدىكى رەقەمگە قاراپ ئېلىنىدىغان تەخمىنىي پۈتۈن سان قىممىتىنى بەلگىلىمەك.

پۈركەتمەك

  • پۈركەتمەك[يەشمىسى:] «پۈركىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پۈركەشمەك

  • پۈركەشمەك[يەشمىسى:] «پۈركىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پۈركەلمەك

  • پۈركەلمەك[يەشمىسى:] «پۈركىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئاپئاق قار بىلەن پۈركەلگەن ھەيۋەتلىك تاغ خۇددى تىلسىماتتىكى سېپىللاردەك ئالدىمىزنى توسۇپ تۇراتتى.

پۈركەنچە

  • پۈركەنچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياللار باش ۋە گەۋدىسىنى پۈركىۋالىدىغان چوڭ ياغلىق، رومال ياكى يەڭسىز كىيىم:[مىسال:] ئىشرەت ئوغرى قىزنى كۈندۈزدىلا سۇغا چىققان يېرىدىن، بېشىنى پۈركەنچە بىلەن يېپىپ، ئاتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ قېچىپتۇ.

پۈركەنچىلىك

  • پۈركەنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۈركەنچىسى بار، پۈركەنچە ئارتقان:[مىسال:] پۈركەنچىلىك ئايال.

پۈركەنمەك

  • پۈركەنمەك[يەشمىسى:] ① «پۈركىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] دۇختۇرنىڭ ئاپئاق يوتقىنىغا پۈركىنىپ ياتقان ساۋۇت تەسلىكتە كۆزىنى ئاچتى.[يەشمىسى:] ② «پۈركىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يېزىمىز گۈل-چېچەكلەرگە پۈركەندى.

پۈركۈتمەك

  • پۈركۈتمەك[يەشمىسى:] «پۈركۈمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سۇ پۈركۈتمەك. دورا پۈركۈتمەك.

پۈركۈشمەك

  • پۈركۈشمەك[يەشمىسى:] «پۈركۈمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] خاپا بولماڭ، دەزمال سالىدىغان كۆڭلەككە پۈركۈمەكچى ئىدىم، دىققەتسىزلىكتىن چاپىنىڭىزغا پۈركۈلۈپ كەتتى، دەپ، ئۆزرىخاھلىق ئېيتتى ئايىم دوستىغا.

پۈركۈگۈچ

  • پۈركۈگۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] شۈمۈرۈش رولىدىن پايدىلىنىپ سۇيۇقلاندۇرۇلغان دورا ياكى باشقا سۇيۇقلۇقلارنى تۇمان ھالەتتىكى ئۇششاق سۇ دانىچىلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە تەكشى پۈركۈپ چاچىدىغان ئۈسكۈنە.

پۈركۈلمەك

  • پۈركۈلمەك[يەشمىسى:] «پۈركۈمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] خاپا بولماڭ، دەزمال سالىدىغان كۆڭلەككە پۈركۈمەكچى ئىدىم، دىققەتسىزلىكتىن چاپىنىڭىزغا پۈركۈلۈپ كەتتى، دەپ، ئۆزرىخاھلىق ئېيتتى ئايىم دوستىغا.

پۈركۈمەك

  • پۈركۈمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سۇ ياكى باشقا سۇيۇقلۇقلارنى باشقا نەرسىنىڭ ئۈستىگە سەپمەك، چاچماق:[مىسال:] سۇ پۈركۈمەك. دورا پۈركۈمەك.

پۈركىمەك

  • پۈركىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسە بىلەن باشتىن ئاياغ بېكىتىپ ئورىماق، ئوراپ قويماق:[مىسال:] ئەسقەر ئۆزىنى ئورنىغا تاشلاپ، بېشىنى يوتقانغا چىڭ پۈركىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاپلىماق، چۆمدۈرمەك؛ تولدۇرماق:[مىسال:] ئۇ خۇددى قىزىل ياقۇتتەك جۇلالىنىپ، كەڭ دالىنى قىزىللىققا پۈركىگەنىدى.

پۈرلەش

  • پۈرلەش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۈرلىشىپ قالغان، پۈرلەشكەن:[مىسال:] مېھمانخانىغا يول-يول پۈرلەش قىل رەخت بىلەن قاپلانغان بىرنەچچە ساپا ۋە ئورۇندۇقلار قويۇلغان.

پۈرلەشتۈرمەك

  • پۈرلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «پۈرلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تەرىنى تۈرۈپ، كەينىگە يۆلىنىپ ئولتۇرغان سوراقچى سەھنە كىتابىنىڭ قول يازمىسىنى پۈرلەشتۈرۈپ تۇتقىنىچە پۇلاڭلىتىپ تۇراتتى.

پۈرلەشتۈرۈشمەك

  • پۈرلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «پۈرلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پۈرلەشتۈرۈلمەك

  • پۈرلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «پۈرلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پۈرلەشمەك

  • پۈرلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاتلاشقان، پۈرلەشكەن ھالەتكە كەلمەك، پۈرۈلۈپ قالماق، پۈرۈلمەك:[مىسال:] ئۇ يوشۇرۇپ ساقلاپ كەلگەن كىچىك بىر قۇتىنى ئېلىپ، ئۇنىڭدىن پۈرلەشكەن، رەڭگى ئۆچكەن بىر پارچە قەغەزنى چىقاردى.

پۈرلىمەك

  • پۈرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قەغەز، رەخت قاتارلىق نەرسىلەرنى قول بىلەن ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن سىقىپ، يىغىپ، بېسىپ، تەكشى يۈزىنى بۇزۇپ پۈرلەش ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] قەغەزنى پۈرلىمەك. * ئىت مۈشۈكنى پۈرلەپ باستى.

پۈرمە

  • پۈرمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۈرۈپ قويۇلغان، پۈرۈلگەن، پۈرۈم:[مىسال:] پۈرمە يوپكا. * بەللىك ئاددىي پۈرمە كۆڭلەك ئۇنىڭ كېلىشكەن قامىتىگە قۇيۇپ قويغاندەك ياراشقانىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] تاغ جىنس قاتلىمىنىڭ ھەرىكىتى نەتىجىسىدە بېسىمغا ئۇچراش بىلەن قىسىلىپ شەكىللەنگەن ئۇلانما ۋە ئەگرى ھالەتتىكى تۈزۈلمە شەكىل.

پۈرمەكⅠ

  • پۈرمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پۈرمە-پۈرمە ھالەتكە كەلتۈرمەك، قاتلىماق:[مىسال:] ئايشەمخان سىڭلىسى ئىپارگۈلنىڭ كۆڭلىكىنى كۆكرىكىدىن پۈرۈپ تىكىپ بەردى. * ئۇ چىرايىنى پۈرۈپ خېلىغىچە گەپ قىلماي ئولتۇردى.

پۈرمەكⅡ

  • پۈرمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۈرۈلگەن جاي، پۈرۈك:[مىسال:] يېمەي تويدۇم بۇ شالنىڭ كۈرمىكىدىن، پۈتۈن چىقتى قوڭۇمنىڭ پۈرمىكىدىن (ماقال).

پۈرمىلەتمەك

  • پۈرمىلەتمەك[يەشمىسى:] «پۈرمىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پۈرمىلەنمەك

  • پۈرمىلەنمەك[يەشمىسى:] «پۈرمىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ قاتلىنىپ پۈرمىلەنگەن شار شەكلىدە باش سۆڭىكى ئىچىگە جايلاشقان بولىدۇ.

پۈرمىلىك

  • پۈرمىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۈرمىسى بار، پۈرمىلەنگەن:[مىسال:] پۈرمىلىك بەلۋاغ. * گۈلمېرە ماگىزىندىن بەل پۈرمىلىك كۆڭلەكتىن بىرنى سېتىۋالدى.

پۈرمىلىمەك

  • پۈرمىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پۈرمە ھالەتكە كەلتۈرمەك، پۈرمە قىلىپ تىكمەك:[مىسال:] كۆڭلەكنىڭ ياقىسىنى پۈرمىلىمەك.

پۈرۈشتۈرمەك

  • پۈرۈشتۈرمەك[يەشمىسى:] «پۈرۈشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ يەرگە تۈكۈردى.

پۈرۈشمەك

  • پۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «پۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلاربىر نەرسىلەرنى دېيىشىپ، مەسخىرە قىلغاندەك چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ تۇراتتى.

پۈرۈك

  • پۈرۈك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۈرۈلۈپ كەتكەن، پۈرۈلگەن:[مىسال:] شۇ تاپتا ئۇنىڭ گۆشلۈك قاپاقلىرى ئاستىدىكى پۈرۈك كۆزلىرى يۇمۇلۇپلا قالغانىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بەزى بېلىقلار، قوش ماكانلىقلار، سۆرەلگۈچىلەر ۋە قۇشلارنىڭ ئۈچىيى، سۈيدۈك نەيچىسى ۋە كۆپىيىش بېزىنىڭ ئېغىزلىرى بىر بوشلۇقتا بولىدۇ. بۇ بوشلۇق پۈرۈك دېيىلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوڭ:[مىسال:] توخۇنىڭ پۈرۈكى.

پۈرۈكلۈك

  • پۈرۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۈرۈلگەن، پۈرۈپ قويۇلغان:[مىسال:] بىز كىرگەندىلا ئۇنىڭ چىرايى ئاشۇنداق پۈرۈكلۈك ئىدى.

پۈرۈلمەك

  • پۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «پۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ كۆزلىرى غەزەپتىن چاقناپ، يۈزلىرى ئەلەمدىن پۈرۈلدى.

پۈرۈم

  • پۈرۈم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۈرۈلگەن، پۈرۈپ قويۇلغان.

پۈرۈم-پۈرۈم

  • پۈرۈم-پۈرۈم[يەشمىسى:] بىرقانچە پۈرۈم، نۇرغۇن پۈرۈم:[مىسال:] ئوبۇلنىڭ يۈزى سېمىزلىكىدىن پۈرۈم-پۈرۈم بولۇپ كەتكەنىدى.

پۈزەك

  • پۈزەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغاچنى رەندىلىگەندە چىقىدىغان نېپىز قاسىراق، قىرىندى.

پۈكتۈرمەك

  • پۈكتۈرمەك[يەشمىسى:] «پۈكمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:]

  • مەرد، قەھرىمان بوۋىلار روھى،

  • نۇرلاندۇردى خەلق قەلبىنى.

  • ئاپراسىياپ بولۇپ پۈكتۈردى،

  • ئىسكەندەرنىڭ مەغرۇر قەددىنى.

پۈكلەتمەك

  • پۈكلەتمەك[يەشمىسى:] «پۈكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پۈكلەشتۈرمەك

  • پۈكلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «پۈكلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كىتابنى پۈكلەشتۈرمەيلى، بولمىسا سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ، دېدى مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ.

پۈكلەشتۈرۈلمەك

  • پۈكلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «پۈكلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پۈكلەشمەك

  • پۈكلەشمەك[يەشمىسى:] ① «پۈكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇششاق بالىلار قەغەزنى ئايروپىلان ياسايمىز دەپ پۈكلىشىپ ئوينىدى.[يەشمىسى:] ② پۈكلەنگەن ھالەتكە كېلىپ قالماق، پۈكلەنمەك، پۈكۈلمەك:[مىسال:] رەيھان تۆنۈگۈنلا دەزمال سالغان كۆڭلەكلىرىنىڭ پۈكلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىشىك تۆۋىدىن كەينىگە ياندى.

پۈكلەكلىك

  • پۈكلەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۈكلىنىپ قالغان، پۈكلەنگەن:[مىسال:] بوۋاي، ئەزىزنىڭ قولىدا تېخىچىلا پۈكلەكلىك خەت تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: سەن تېخى خەتنى ئوقۇپ بولماپسەنغۇ دەپ سورىدى.

پۈكلەنمەك

  • پۈكلەنمەك[يەشمىسى:] ① «پۈكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەختەرنىڭ يانچۇقىدا پات-پاتلا چىرايلىق قىلىپ تۇمارچە پۈكلەنگەن خەتلەر پەيدا بولۇپ قالاتتى.[يەشمىسى:] ② «پۈكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككى پۈكلىنىپ تەزىم قىلىپ، ناسىر بىلەن تىنچلىق سوراشتى.

پۈكلىمە

  • پۈكلىمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۈكلىنىدىغان، پۈكۈلىدىغان:[مىسال:] پۈكلىمە ئورۇندۇق. پۈكلىمە سىزغۇچ. پۈكلىمە يەلپۈگۈچ.

پۈكلىمەك

  • پۈكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاتلىماق، قايرىماق، پۈكمەك:[مىسال:] ئەسەد خەتنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن خەتنى پۈكلەپ شۇ پېتىچە يانچۇقىغا ساپتۇ.

پۈكمەك

  • پۈكمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئېگىپ قاتلىماق، قايرىماق، پۈكلىمەك:[مىسال:] سىمنى پۈكمەك. قەغەزنى پۈكمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نىيەت قىلماق. قارار قىلماق. ئويلىماق:[مىسال:] كۆڭلىگە پۈكمەك.

پۈكۈك

  • پۈكۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۈكۈلگەن، پۈكلەنگەن:[مىسال:] پۈكۈك قەغەز. * ئۈزۈلدى بىر غۇنچە ھايات باغىدىن، ۋۇجۇدۇم پۈكۈكتۇر بۇ دەرد تاغىدىن.

پۈكۈلمەك

  • پۈكۈلمەك[يەشمىسى:] ① «پۈكمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاڭلا خالىدەم، قەدرىڭ ئۆتۈلدى. دەردىڭدە مېنىڭ قەددىم پۈكۈلدى.[يەشمىسى:] ② «پۈكمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھېلىقى ئادەم قولىدىكى پۇللارنىڭ پۈكۈلگەن بۇرجەكلىرىنى تۈزەپ چىقتى.

پۈگە

  • پۈگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر يەرگە ياكى يەر پاسىلىغا ئورنىتىلغان بەلگە ياكى دۆڭ.

پۈگەت

  • پۈگەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بوتۇلكىنىڭ پۇرۇپكىسى.[يەشمىسى:] ② ئوقنىڭ مىشىكى.

پۈگەتسىز

  • پۈگەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۈگىتى يوق، پۈگەت ئورنىتىمىلغان:[مىسال:] پۈگەتسىز ئوق.

پۈگەتلىك

  • پۈگەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۈگىتى بار، پۈگەت ئورنىتىلغان.

پۈھ

  • پۈھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] سېسىق پۇراقلاردىن بىزار بولغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.

پۈۋ

  • پۈۋ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئاستى-ئۈستى كالپۇكنى بىر-بىرىگە جۈپلەپ تۇرۇپ، ھاۋانى قاتتىق چىقارغاندا ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈرىكى سالغاندەك بولدى-دە، «پۈۋ» قىلىپ چىراغنى ئۆچۈرۈپ بېشىنى چىڭ پۈركەپ يېتىۋالدى.

پۈۋەك

  • پۈۋەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بەزى بېلىقلارنىڭ تېنىدىكى كۆپۈپ ۋە بوشىشىپ تۇرىدىغان خالتىسىمان ماددا، ئىچىگە ئازوت، ئوكسىگېن، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قاتارلىق ئارىلاش گازلار تولۇپ تۇرغان بولىدۇ؛ بوشاشقان ۋاقتىدا بېلىق چۆكىدۇ، كۆپكەن ۋاقتىدا لەيلەيدۇ؛ بەزى بېلىقلارنىڭ پۈۋىكى ئاڭلاش ۋە نەپەسلىنىش رولىنىمۇ ئوينايدۇ.

پۈۋلەتمەك

  • پۈۋلەتمەك[يەشمىسى:] «پۈۋلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پۈۋلەشمەك

  • پۈۋلەشمەك[يەشمىسى:] «پۈۋلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پۈۋلەنمەك

  • پۈۋلەنمەك[يەشمىسى:] «پۈۋلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پۈۋلىمەك

  • پۈۋلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىككى لەۋ ئارىسىدىن «پۈۋ» قىلىپ يەل چىقارماق:[مىسال:] سۈت ئىچىپ ئاغزى كۆيگەن قېتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر (ماقال).

پې

  • پې[يەشمىسى:] «پ»ھەرىپىنىڭ نامى.

پېپتىد

  • پېپتىد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، ئامىنو كىسلاتاسى سۇسىزلانغاندىن كېيىن ھاسىل بولىدۇ، تەركىبىدە گىدروكسىل بىلەن ئامىنو رادىكالى بولىدۇ، ئۇ بىر خىل ئىككى ياقلىمىلىق بىرىكمە ھېسابلىنىدۇ.

پېپسىن

  • پېپسىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىي قىسىملىرىنىڭ بىرى، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ياردىمىدە ئاقسىلنى ھەزىم قىلىدۇ.

پېتەك

  • پېتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياغ كىيىمنىڭ ئىچىگە سېلىش ئۈچۈن ماتا، كىگىز قاتارلىق نەرسىلەردىن تەييارلانغان بۇيۇم:[مىسال:] ئۆتۈككە پېتەك سالماق.

پېتەكسىز

  • پېتەكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پېتىكى يوق، پېتەك سېلىنمىغان: پېتەكسىز ئاياغ.

پېتەكگۈل

  • پېتەكگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پېتەك+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «سەبرە»گە قاراڭ.

پېتروخىمىيە

  • پېتروخىمىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]گرېكچە+لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] پېترولوگىيىنىڭ بىر تارمىقى، تەتقىقات مەزمۇنى: ئۇ ئايرىم تاغ جىنسلىرىنىڭ خىمىيىۋى تەركىبى، ئۇنىڭ ھاسىل بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈرلۈك تاغ جىنسلىرىنىڭ خىمىيىۋى تەركىب جەھەتتىكى ئۆزئارا مۇناسىۋىتى، تاغ جىنسلىرىنىڭ خىمىيىۋى تەركىبىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە مىنېراللارنىڭ تەركىبلىرى ئارىسىدىكى قانۇنىيەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پېتروگرافىيە

  • پېتروگرافىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە+گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] پېترولوگىيىنىڭ بىر تارمىقى. ئۇ ئەمەلىي ماتېرىياللارغا ئاساسەن تاغ جىنسلىرىنىڭ مىنېرال تەركىبى، خىمىيىۋى تەركىبى، قۇرۇلمىسى ۋە تۈرلەرگە ئايرىپ نام بېرىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، تاغ جىنسلىرىنىڭ ھاسىل بولۇش سەۋەبلىرى، ھەر خىل تاغ جىنسلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىش ھادىسىلىرىنى يېشىپ بېرىدۇ.

پېترولوگىيە

  • پېترولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] تاغ جىنسلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم، ئۇ تاغ جىنسلىرىنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى، مىنېرال تەركىبى، تۈزۈلۈشى، تۈرى، پەيدا بولۇش ھالىتى ۋە سەۋەبلىرى توغرىسىدىكى قانۇنىيەتلەرنى، ھەمدە تاغ جىنسلىرىنىڭ مىنېراللىنىشى، خۇسۇسىيىتى ۋە پەيدا بولۇش ۋاقتىدىكى گېئولوگىيىلىك شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ.

پېتىر

  • پېتىر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بولدۇرۇلمىغان، ئۆرلىمىگەن (خېمىر ھەققىدە):[مىسال:] پېتىر نان، پېتىر مانتا.  كىچىكئاخۇننىڭ ئىشى پېتىر ئوخشايدۇ.

پېتىرىغا يانماق

  • پېتىرىغا يانماق[يەشمىسى:] ھەل بولمايدىغان تەرىپىگە قاراپ يۈزلەنمەك، قىينلاشماق:[مىسال:] ئەبەيدۇللانىڭ ئايالىنىڭ خىزمىتىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىش ئىشى ئاخىرى بېرىپ يەنە پېتىرىغا ياندى.

پېتىشماق

  • پېتىشماق[يەشمىسى:] «پاتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئوقۇتقۇچى ياتاققا كىرىپ ياتاقتىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ «قانداق پېتىشتىڭلارمۇ» دەپ سورىدى.

پېتىق

  • پېتىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «پاتقاق»قا قاراڭ:[مىسال:] زاغرا نان قېتىققا ياخشى، قېرى كالا پېتىققا ياخشى (ماقال).

پېتىقچىلىق

  • پېتىقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەممە يەر لاي، پاتقاق بولۇپ كەتكەن ھالەت، پاتقاقچىلىق:[مىسال:] توپا يوللارنى پېتىقچىلىق قاپلاپتۇ.

پېتىقلاتماق

  • پېتىقلاتماق[يەشمىسى:] «پېتىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يۈسۈپ بوۋاي، نەۋرىلىرىگە سۇۋاق لېيىنى پېتىقلاتتى.

پېتىقلاشماق

  • پېتىقلاشماق[يەشمىسى:] «پېتىقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىككى توپاق يەنە قوتاندىن يۈگۈرۈشۈپ چىقتى-دە، بۇغدايلىقنى قالايمىقان چەيلەپ، پېتىقلىشىپ بىر قىلىۋەتتى.

پېتىقلىق

  • پېتىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پېتىپ قالغان، پاتقان ھالەتتىكى:[مىسال:] ئۇ پاتقاقلىقتا تىزىغىچە پېتىقلىق تۇراتتى.

پېتىقلانماق

  • پېتىقلانماق[يەشمىسى:] «پېتىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پېتىقلىماق

  • پېتىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۈستى-ئۈستىگە كەينى-كەينىدىن دەسسىمەك:[مىسال:] لاينى پېتىقلىماق. * ئادىل سۆزۈمنى ئاڭلاپ قايتا كەتمىنىنى قولىغا ئالدى ۋە ئاستىدىكى لايلارنى پېتىقلىدى.

پېتلە

  • پېتلە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] غۇژمەك؛ توپ، دۆۋە.

پېتىنىشماق

  • پېتىنىشماق[يەشمىسى:] «پېتىنماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] توخۇلار مەسۇم ئاكىنىڭ قولىدىكى ناننىڭ چېچىلىشىغا تاقەت قىلالماي، مەسۈم ئاكىنىڭ قوللىرىغا قونۇشقىمۇ پېتىنىشتى.

پېتىنقى

  • پېتىنقى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىچىگە پاتقان، ئويمان:[مىسال:] پېتىنقى لىنزا. پېتىنقى ئەينەك.

پېتىنماق

  • پېتىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جۈرئەتكە كەلمەك، جۈرئەت قىلماق:[مىسال:] گەپ قىلىشقا پېتىنماق. * پادىشاھ: ئەپەندىم، تەختىمدىن يۇقىرى يەردە ئولتۇرۇشقا قانداق پېتىندىڭىز دەپتۇ ئاچچىقى بىلەن.

پېچەت

  • پېچەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] پايدىلىنىشىنى توسۇش ياكى باشقىلارنىڭ ئاچماسلىقى ئۈچۈن قويۇلغان بەلگە ياكى ئۇرۇلغان تامغا:[مىسال:] پېچەت سالماق. پېچەت چاپلىماق.

پېچەتلەتمەك

  • پېچەتلەتمەك[يەشمىسى:] «پېچەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ساقچىلار غۇلامنى ئۆيىدىن تۇتۇپ ئاچىقىشى بىلەن تەڭ ساقچى باشلىقى بۇيرۇق بېرىپ ئۇنىڭ ئۆيىنى پېچەتلىتىۋەتتى.

پېچەتلەشمەك

  • پېچەتلەشمەك[يەشمىسى:] «پېچەتلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پېچەتلەنمەك

  • پېچەتلەنمەك[يەشمىسى:] «پېچەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مەيدان نازارەتچىلىرى پېچەتلەنگەن ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ پېچىتىنى يېشىپ ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىشقا باشلىدى.

پېچەتلىك

  • پېچەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پېچىتى بار، پېچەت چاپلانغان:[مىسال:] پېچەتلىك ھاراق.

پېچەتلىمەك

  • پېچەتلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ پايدىلىنىپ كېتىشىنى توسۇش ياكى ئاچماسلىق ئۈچۈن پېچەت چاپلىماق، ئاچماسقا تاقىماق:[مىسال:] گېزىتنى پېچەتلىمەك. مال-مۈلۈكنى پېچەتلىمەك. * گۈزەلئاي ئۆي ياسىغان كۈنىلا كىتابلىرىمنى بىر ياغاچ ساندۇققا تاشلاپ ئۈستىنى قەغەزلەر بىلەن پېچەتلەپ زالغا ئاچىقىپ قويۇپتۇ.

پېچەكⅠ

  • پېچەكⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىپ ئورۇلىدىغان ئوقسىمان غالتەك:[مىسال:] پېچەككە يىپ ئورىماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]مىقدار سۆز. [يەشمىسى:]ئورالغان يىپنىڭ مىقدار سانىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر پېچەك يىپ سېتىۋالماق. بىر پېچەك يىپ ئورىماق.

پېچەكⅡ

  • پېچەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەنپەسىنىڭ شېكەر قىيامىدىن ياسىلىدىغان ئىككىنچى بىر خىلى.

پېچەكلىك

  • پېچەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پېچىكى بار، پېچەككە ئورالغان:[مىسال:] پېچەكلىك يىپ سېتىۋالماق.

پېچىنە

  • پېچىنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] قەنت، توخۇم، ياغ ۋە سۈت قاتارلىقلار بىلەن يۇغۇرۇلغان خېمىردىن دوخۇپكىدا پىشۇرۇلىدىغان تاتلىق يېمەكلىك.

پېداگوگ

  • پېداگوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] ئوقۇتقۇچىلىق، مائارىپ، تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى؛ مائارىپچى، مۇئەللىم.

پېداگوگىكا

  • پېداگوگىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] مائارىپنى تەتقىق قىلىش، مائارىپنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدىغان پەن.

پېداگوگىكىلىق

  • پېداگوگىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پېداگوگىكىغا مۇناسىۋەتلىك، پېداگوگىكىغا ئائىت:[مىسال:] پېداگوگىكىلىق بالىلار ئەدەبىياتى. پېداگوگىكىلىق مائارىپ.

پېرە

  • پېرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] تۇغ باغلاپ، داپ چېلىپ ئايەتلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق كېسەل كىشىنى داۋالايدىغان بىر خىل دىنىي پائالىيەت:[مىسال:] پېرە ئويناتماق.

پېرسوناژ

  • پېرسوناژ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بەدىئىي ئەسەرلەردە (يەنى ھېكايە، پوۋېست، رومان، كىنو سىنارىيىسى، دراما ۋە قىسسە قاتارلىقلاردا) يارىتىلغان شەخس.

پېرسوناژسىز

  • پېرسوناژسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پېرسوناژى يوق، پېرسوناژ يارىتىلمىغان:[مىسال:] ئەدەبىي ئەسەر پېرسۇناژسىز بولمايدۇ.

پېرسوناژلىق

  • پېرسوناژلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پېرسوناژ يارىتىلغان، پېرسوناژ بار:[مىسال:] پېرسوناژلىق رەسىم.

پېرېۋوت

  • پېرېۋوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>سودا<[يەشمىسى:] بانكا ياكى پوچتا-تېلېگراف ئىدارىلىرى ئارقىلىق پۇل ئەۋەتىش ھەمدە شۇ يول بىلەن ئەۋەتىلگەن ياكى تاپشۇرۇۋېلىنغان پۇل:[مىسال:] تاشقى پېرېۋوت. پېرېۋوت چېكى. پېرېۋوت قىلماق.

پېرىخون

  • پېرىخون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «باخشى»غا قاراڭ.

پېرىخونلۇق

  • پېرىخونلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «باخشىلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] پېرىخونلۇق قىلماق.

پېرىسكوپ

  • پېرىسكوپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] سۇ ئاستى كېمىسى ياكى يەر ئاستىدىكى يوشۇرۇن ئاكوپ ئىچىدىن سۇ ئۈستى ياكى يەر ئۈستىدىكى دۈشمەن ئەھۋالىنى كۆزىتىشتە ئىشلىتىلىدىغان ئوپتى ك ئەسۋاب.

پېرىمېتىر

  • پېرىمېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] گېئومېتىرىيىلىك شەكىلنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى قوشقاندىكى يىغىندىسى.

پېزېتا

  • پېزېتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسپانىيىنىڭ پۇل بىرلىكى.

پېسە

  • پېسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] «ئاقكېسەل»گە قاراڭ.

پېسەندە

  • پېسەندە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پەسكەش، ئىپلاس.

پېسسىمىزم

  • پېسسىمىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] روھىي چۈشكۈنلۈك؛ ھاياتقا، كېلەچەككە ئۈمىدسىزلىك بىلەن قاراش، چۈشكۈنلىشىش.

پېسسىمىزملىق

  • پېسسىمىزملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پېسسىمىزم تەسىرىگە ئۇچرىغان، پېسسىمىزم تەسىرىدىكى، پېسسىمىزم خاراكتېرىنى ئالغان:[مىسال:] پېسسىمىزملىق ئىدىيە.

پېسو

  • پېسو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئارگېنتىنا، كۇبا كولومبىيە، فىلىپىپىن، بولىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇل بىرلىكى.

پېشاب

  • پېشاب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] چوڭ-كېچىك تەرەت:[مىسال:] ئالدى پېشاب. ئارقا پېشاب.

پېشانە

  • پېشانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① يۈزىنىڭ قاشتىن چاچقىچە بولغان قىسمى؛ ماڭلاي:[مىسال:] كەڭ پېشانە. پېشانىسى كەڭ. پېشانىسى تار. * ئەخمەقنى ناماز ئوقۇ دېسە، پېشانىسىنى يېرىۋالار (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] (خۇراپاتلىقتا)تەقدىر، قىسمەت:[مىسال:] پېشانىسى ئوڭ. پېشانىسى تەتۈر. شور پېشانە. ئۆز پېشانىسىدىن كۆرمەك.

پېشانە تەرى

  • پېشانە تەرى[يەشمىسى:] مېھنەت، ئەجىر، ئەمگەك:[مىسال:] دادام ئۆزى يانتاق سېتىپ قىينىلىپ، مېنى ئوقۇتقان، دادامنىڭ پېشانە تەرى بىكار كەتمىسۇن دەپ ياخشى ئوقۇدۇم.

پېشانىدىن كەتمەسلىك

  • پېشانىدىن كەتمەسلىك[يەشمىسى:] مەڭگۈ تاپا-تەنىگە قېلىش، باشقىلارنىڭ مىننىتىدىن قۇتۇلالماسلىق.

پېشانىغا پۈتۈلگەن

  • پېشانىغا پۈتۈلگەن[يەشمىسى:] «پېشانىغا يېزىلغان»غا قاراڭ.

پېشانىغا يېزىلغان

  • پېشانىغا يېزىلغان[يەشمىسى:] تۇغۇلغاندىلا تەڭرى تەرىپىدىن بەلگىلەپ قويۇلغان (دىنىي چۈشەنچىدە).

پېشايۋان

  • پېشايۋان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆينىڭ ئالدى تەرىپىگە چىقىرىلغان ئايۋان:[مىسال:] پېشايۋان چىقارماق. پېشايۋان ياسىماق.

پېشايۋانلىق

  • پېشايۋانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پېشايۋىنى بار، پېشايۋان قىلىنغان:[مىسال:] پېشايۋانلىق ھويلا.

پېشقەدەم

  • پېشقەدەم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەلۇم بىر ئىش ياكى ساھە، كەسىپ بويىچە باشقىلاردىن بۇرۇن ئىش باشلىغان شۇ ساھەدە ئۆرنەك كۆرسەتكەن:[مىسال:] پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى. پېشقەدەم كادىر.

پېشكا

  • پېشكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] شاھماتنىڭ ئەڭ كىچىك ئۇرۇقىنىڭ نامى:[مىسال:] پېشكا يۈرمەك.

پېشكەل

  • پېشكەل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پالاكەت باسقان، نەس باسقان، نەس؛ بىتەلەي:[مىسال:] پېشكەل خوتۇن.

پېشكەلچىلىك

  • پېشكەلچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «پېشكەللىك»كە قاراڭ:[مىسال:] ئۇ بۇ پېشكەلچىلىكتىن تېخىمۇ جىلە بولۇپ، ناسۋېلىنى دەرھال تۈكۈردى.

پېشكەللىك

  • پېشكەللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پالاكەت بېسىش، نەسلىك:[مىسال:] پېشكەللىككە ئۇچرىماق.

پېشۋا

  • پېشۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مەلۇم بىر ساھە ياكى ئىشتا يولباشچى، يېتەكچى شەخىس:[مىسال:] مەھمۇت قەشقەرى ئۇيغۇر لۇغەتچىلىكىنىڭ پېشۋاسى.

پېشىۋالىق

  • پېشىۋالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پېشىۋالار ئۈستىگە ئالالايدىغان، پېشىۋالارغا خاس، پېشىۋالارغا مۇناسىپ:[مىسال:] بىز چوقۇم ئاۋانگارت، جەڭچىلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز، باشقىچە ئېيتقاندا پېشىۋالىق رول ئوينىشىمىز لازىم.

پېشىن

  • پېشىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كۈن چۈشتىن سەل قايرىلغان ۋاقىت:[مىسال:] ئۇلار يېتىپ كەلگەندە، كۈن ئاللىقاچان پېشىندىن قايرىلغانىدى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] پېشىن ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغان ناماز:[مىسال:] مەن پېشىننى ئوقۇۋالاي، ئاندىن مەن بىلەن كەت، دېدى موللام.

پېقىر

  • پېقىر[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەمبەغەل، نامرات، يوقسۇل:[مىسال:] پېقىر ئادەم. * بۇلۇتنىڭ قەدرى يوق ئاي يېنىدا. پېقىرنىڭ قەدرى يوق باي يېنىدا (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] «كەمىنە، مەن» مەنىسىدىكى ئۆزىنى كىچىك پېئىل ۋە كەمتەر تۇتۇشنى بىلدۈرىدىغان سۆز:[مىسال:] ئەمەت ئۇستا بايىقى خۇشاللىق ھېسسىياتى بىلەن: ئەپەندىم، بايا قوشنىلارغىمۇ خەۋەر قىلىپ قويدۇم. بۈگۈن پېقىرنىڭ خانىسىغا مېھمان كەلمەكچى، چەت ئەللىك دوستلار، دېدى.

پېقىرانە

  • پېقىرانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] پېقىرلەرگە خاس، پېقىرلەرچە:[مىسال:] ئەمەت پېقىرانە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە ئىدى.

پېقىرپەرۋەر

  • پېقىرپەرۋەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] پېقىرلەرنى ياخشى كۆرىدىغان، پېقىرلەرنى ياقلايدىغان، پېقىر تەرەپدار:[مىسال:] ئەلۋەتتە پېقىرپەرۋەر بولغان ياخشى.

پېقىرلىق

  • پېقىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پېقىر ھالەت:[مىسال:] پېقىرلىقتا تۇرمۇش كەچۈرمەك. * بايلىق بىلەن پېقىرلىق ئىككىسى ئىككى ئات (ماقال).

پېقىرىما

  • پېقىرىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پىژغىرىم.

پېقىش

  • پېقىش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پارچە، يانجىلغان، پاخشە.

پېگاس

  • پېگاس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] شىمالىي ئاسمان يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ بىرى. مەركىزىي ئورنى: ئېكۋاتور ئۇزۇنلىقى 22 سائەت 40 مىنۇت، ئېكۋاتور كەڭلىكى °21، ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، دەلۋە يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدۇ.

پېلەك

  • پېلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قوغۇن، تاۋۇز قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يەر بېغىرلاپ ئۆسىدىغان غول، شاخ ۋە بەرگلىرى:[مىسال:] قوغۇن پېلىكى.

پېلەكسىز

  • پېلەكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پېلىكى يوق، پېلەك تارتمايدىغان:[مىسال:] پېلەكسىز ئۆسۈملۈكلەر.

پېلەكلىك

  • پېلەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پېلىكى بار، پېلەك تارتىپ ئۆسىدىغان:[مىسال:] پېلەكلىك ئۆسۈملۈكلەر.

پېلەكلىمەك

  • پېلەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پېلەك چىقارماق، پېلەك تارتماق.

پېلۋېتسىيە

  • پېلۋېتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پېلۋېتسىيە ئوتى ئائىلىسىدىكى دېڭىز يۈسۈنلىرىنىڭ بىر تۈرى. دېڭىز ساھىلىدىكى قورام تاشلار ئارىسىدا ئۈنىدۇ، ئۇنى ئىستېمال قىلىشقا ياكى يېپىشقاق ماتېرىياللارنى ئىشلەشتە خام ئەشيا قىلىشقا بولىدۇ.

پېنتادا

  • پېنتادا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] بۇ گىرىكچە ئۇدا بەش كۈن دېگەن سۆز. چۈنكى بەش كۈن بىر يىلدىكى 365 كۈننىڭ بىر پاكتورى بولغانلىقىدىن كىلىماتولوگىيىدە ھەپتە قوللىنىلماي بەش كۈن قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] پېنتادىلىق تېمپېراتۇرا.

پېنسىلىن

  • پېنسىلىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] ئانتىبىئوتىكلارنىڭ بىر خىلى، يەنى پېنسىلىن زەمبۇرۇغىنى ئۆستۈرگۈچى سۇيۇقلۇق ئىچىدىن ئاجرىتىۋېلىنىدىغان بىر خىل دورا. ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە، لىمپا شارچە باكتېرىيىسى ۋە ئۆپكە ياللۇغىنىڭ قوش شارچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلارنى چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ.

پېنسىيە

  • پېنسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] گراژدانلارنىڭ دۆلەتكە خىزمەت قىلىش ۋاقتى توشقانلىقى، قېرىپ ئىشقا يارىماس بولۇپ قالغانلىقى ۋە شۇ قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن خىزمەتتىن ئايرىلىپ دەم ئېلىشى:[مىسال:] پېنسىيە پۇلى. پىنسىيىگە چىقماق.

پېئىلⅠ

  • پېئىلⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتى، ھالىتى، ئۆزگىرىشى، ئىپادىسى ۋە سېزىمى قاتارلىقلارنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى:[مىسال:] ئۆتۈملۈك پېئىل. ئۆتۈمسىز پېئىل. ياردەمچى پېئىل. پېئىل زامانلىرى.

پېئىلⅡ

  • پېئىلⅡ[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشى خاراكتېرىنى تەشكىل قىلغۇچى روھىي خۇسۇسىيەتلەر يىغىندىسى، روھىي ھالەت، كەيپىيات؛ خاراكتېر، خۇلق:[مىسال:] كېچىك پېئىل. * ئۇ كىشىلەر بىلەن ئاسان چىقىشىپ كېتەلەيدىغان خۇش پېئىل، ئەمگەكچان ئادەم ئىدى.

پېئىللىقⅠ

  • پېئىللىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] سالمىقىنى پېئىل ئىگىلىگەن، پېئىل مەنىسى ئاساس قىلىنغان، پېئىل بىلەن ئاياغلاشقان:[مىسال:] پېئىللىق بىرىكمە. پېئىللىق جۈملە.

پېئىللىقⅡ

  • پېئىللىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ئېنىقلىغۇچى بىلەن بىللە كېلىپ بەلگىلىك خۇلق-مىجەز، خاراكتېرىگە ئىگە دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] غەيرىي پېئىللىق ئايال ئېرى يوق ۋاقىتلاردىلا ئەمەس، ھەتتا ئېرى يېنىدا بولغان ھالەتتىمۇ ئۆزىنى يامان ئىشلاردىن تارتىپ قالالمايدۇ.

پى

  • پى[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] پىپى قاتارلىق ئېغىز بىلەن پۈۋلەپ چالىدىغان نەرسىلەرنى چالغاندا ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز.

پىئانىنو

  • پىئانىنو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] كۇنۇپكىلىق بىر خىل مۇزىكا ئەسۋابى. ئىچكى قىسمىغا نۇرغۇنلىغان مېتال تارلار ۋە تىۋىتلىق رەخت ئورالغان بولقىسىمان كىچىك تاياقچىلار ئورنىتىلغان بولۇپ، تىلى بارماق بىلەن بېسىلغان ھامان تاياقچىلار تارغا ئۇرۇلۇپ، ئاۋاز چىقىرىدۇ.

پىئانىنوچى

  • پىئانىنوچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىئانىنو چالغۇچى كىشى:[مىسال:] ئارتىسلار رېپېتىتسىيىدىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇلار بىلەن پىئانىنوچى ئوتتۇرىسىدا چاتاق چىقىپ قالدى.

پىپى

  • پىپى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] سۇناي قاتارلىق پۈۋلەپ چېلىنىدىغان سازلارنىڭ ئېغىزدا پۈۋلىنىدىغان كىچىك نەيچىسى.[يەشمىسى:] ② پۈۋلەپ چېلىش ئۈچۈن سۆگەت چىۋىقىنىڭ قوۋزىقىدىن ياسالغان نەيچە:[مىسال:] يېشىل يۇمران تال سۆگەتتىن پىپى ياسىدىم، ھەر يېقىغا نەقىش ئويۇپ، تازا بېزىدىم.

پىت

  • پىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. دائىم ئادەم، چوشقا ۋە كالا تېنىدە قان شوراپ پارازىت ياشايدۇ؛ قارا كېزىك، قايتۇرما كېزىك قاتارلىق كېسەللەرنى تارقىتىدۇ.

پىت ئۈچەي

  • پىت ئۈچەي[يەشمىسى:] ئىچى تار، قورسىقى كىچىك:[مىسال:] مەن ئۆيدە تاغىسىنىڭ بىرنەچچە كۈن تۇرۇشىنى خالىمايدىغان ئىچى تار، پىت ئۈچەي ئادەممۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە.

پىت يېگەن

  • پىت يېگەن[يەشمىسى:] ئىنتايىن پاسكىنا؛ دۆت، كالۋا.

پىتپاڭزا

  • پىتپاڭزا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]پىت+پاڭزا[[يەشمىسى:] ھەددىدىن زىيادە پىخسىق، بېخىل.

پىتلاشماق

  • پىتلاشماق[يەشمىسى:] «پىتلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پىتلانماق

  • پىتلانماق[يەشمىسى:] ① «پىتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاز-تولا پۇل تاپماق، بېيىماق، ھال-ئوقىتى ياخشىلانماق:[مىسال:] مەخپىرئاكا، سېنىڭدىن رەنجىشىم يوق، دېدى ئۇ پەس ئاۋازدا، يولۇمغا پۇتلاشمىساڭ، بازاردا پۇلنى ئاسان دومىلاتقىلى بولىدىكەن، كىچىككىنە پىتلىنىۋالاي.

پىتلىق

  • پىتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىتى بار، پىت بېسىپ كەتكەن، پىتى تولا:[مىسال:] پىتلىق ئادەم.

پىتلىماق

  • پىتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پىت بېسىپ كەتمەك، پىت كۆپەيمەك:[مىسال:] ھەممىمىز يۇيۇنۇپ پىتلاپ كەتكەن ئىچ كىيىملىرىمىزنى سېلىپ تاشلاپ پاكىز كۆڭلەكلەرنى كىيگەندىن كېيىن ئادەم سىنىغا كىرىپ قالدۇق.

پىتنە

  • پىتنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] غەرەزلىك ھالدا بىراۋنى قارىلاش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان يالغان سۆز، تۆھمەت:[مىسال:] ئابلا خۇددى بىراۋنى بوغۇزلاۋاتقاندەك چىرقىرىدى، شۇنىڭدىن كېيىن، زاۋۇتتا «ئادەم ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن پىتنە تارقالدى.

پىتنە-پاسات

  • پىتنە-پاسات[يەشمىسى:] يالغان-ياۋىداق سۆز:[مىسال:] پىتنە-پاسات كۆپەيمەك.

پىتنە-پاساتچىلىق

  • پىتنە-پاساتچىلىق[يەشمىسى:] پىتنە-پاسات تېرىپ يۈرۈش، ئىغۋاگەرچىلىك.

پىتنە-پاساتچى

  • پىتنە-پاساتچى[يەشمىسى:] پىتنە-پاسات تېرىپ يۈرىدىغان كىشى، ئىغۋاگەر.

پىتنە-پاساتلىق

  • پىتنە-پاساتلىق[يەشمىسى:] پىتنە-پاسات مەۋجۇت ھالەت.

پىتنە-ئىغۋا

  • پىتنە-ئىغۋا[يەشمىسى:] پىتنە ۋە ئىغۋا:[مىسال:] ئۇ، بوۋا سېنى «موللانىياز بىلەن تىلى بىر، يېقىندا ئۈستۈمدىن پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپتۇ» دېدى.

پىتنىچى

  • پىتنىچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىتنىخور.

پىتنىخور

  • پىتنىخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىتنە قىلىشقا ئادەتلەنگەن، پىتنە پەيدا قىلغۇچى؛ پىتنە تارقاتقۇچى:[مىسال:] پىتنىخورنىڭ سۆزى يامان، سۆزىدىنمۇ ئۆزى يامان (ماقال).

پىتنىخورلۇق

  • پىتنىخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىتنىخور ئادەم قىلىدىغان ئىش-ھەرىكەت، قىلىق:[مىسال:] پىتنە قىلىش ئادىتى:[مىسال:] پىتنىخورلۇق قىلماق.

پىتىرⅠ

  • پىتىرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام دىنى قائىدىلىرى بويىچە روزا ئېيى ئاخىرلاشقاندا كەمبەغەللەرگە بېرىدىغان سەدىقە، زاكات:[مىسال:] پىتىر بەرمەك.

پىتىرⅡ

  • پىتىرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئۆز ئورنىدا جىم تۇرماي ئۇ ياقتىن بۇ ياققا تېز ھەرىكەت قىلىش ھالىتى:[مىسال:] پىتىر قىلىپ قالماق. پىتىر قىلىپ ھەرىكەت قىلماق.

پىتىرا

  • پىتىرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوۋ مىلتىقىنىڭ ئوقى، چاچما ئوق.

پىتىراتماق

  • پىتىراتماق[يەشمىسى:] «پىتىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پىتىراشماق

  • پىتىراشماق[يەشمىسى:] «پىتىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بايىز: بەگ ئۆستىڭىگە سۇ چىقمىسا بىز ئاچ-ئورۇق خەقلەرگە نېمە زىيان، ئەمما، بەگ چىدىمايدۇ، بايلار پىتىرىشىدۇ، دەپ قاينىدى.

پىتىراڭغۇ

  • پىتىراڭغۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىتىراپ كېتىدىغان، چېچىلاڭغۇ.

پىتىراڭغۇلۇق

  • پىتىراڭغۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىتىراش ھالىتى، چېچىلاڭغۇلۇق.

پىتىر-پىتىر

  • پىتىر-پىتىر[يەشمىسى:] «پىتىرⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

پىتىر-سەدىقە

  • پىتىر-سەدىقە[يەشمىسى:] پىتىر ۋە سەدىقە.

پىتىرلاشماق

  • پىتىرلاشماق[يەشمىسى:] «پىتىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يېتىپ كەلدى بىرپەستە شىۋىرلىشىپ، بېسىپ كىردى ھەم ئۆيگە پىتىرلىشىپ. ھەممىسىلا ئېتىلدى قاسىم جانغا، يار ئىشقىدا پەرھاتتەك باغرى قانغا.

پىتىرلىماق

  • پىتىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزىنى ھەر يانغا ئۇرۇپ، پۇت-قولىنى سىلكىپ ھەرىكەت قىلماق؛ تېپىرلىماق:[مىسال:] چوققىلار ئۈستىدە گۈرۈلدەر بوران، كەڭ يېيىپ قانىتىنى ئۇچىدۇ بۈركۈت. گويا ئۇ، قوغلايدۇ ئالدىغا سېلىپ، قاچماقتا پىتىرلاپ قارامتۇل بۇلۇت.

پىتىرىماق

  • پىتىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قالايمىغان چېچىلىپ، ھەر تەرەپكە تارىلىپ كەتمەك:[مىسال:] كىشىلەر مەھبۇسلارنى يالاپ كېلىۋاتقان چېرىكلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۈركىگەن قۇشلاردەك پىتىراپ قېچىشتى.

پىتىق

  • پىتىق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئۇماچ ۋە بوتقا ھالىتىدىكى سۇيۇق جىسىملار قاينىغاندا چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] «پىتىق» قىلىپ قاينىماق. «پىتىق» قىلغان ئاۋاز ئاڭلانماق.

پىتىق-پىتىق

  • پىتىق-پىتىق[يەشمىسى:] «پىتىق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] قازان پىتىق-پىتىق قايناپ كەتتى.

پىتىقلاتماق

  • پىتىقلاتماق[يەشمىسى:] «پىتىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پىتىقلاشماق

  • پىتىقلاشماق[يەشمىسى:] «پىتىقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پىتىقلىماق

  • پىتىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پىتىق-پىتىق» قىلىپ قاينىماق، «پىتىق-پىتىق» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] قازان پېتىقلاپ قايناپ كەتتى.

پىتىگە

  • پىتىگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كىچىك بالىلارنىڭ قورسىقى يوغىناپ بويىغا ئۆسمەي قېلىش ھالىتى.

پىچاق

  • پىچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پولاتتىن ياسالغان بىر ياكى ئىككى بىسلىق، سېپى بار كېسىش ئەسۋابى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>سانائەت<[يەشمىسى:] تۈرلۈك ئىستانوكلارنىڭ كەسكۈچى قىسمى.

پىچاق سۆڭەككە يەتمەك

  • پىچاق سۆڭەككە يەتمەك[يەشمىسى:] ئەھۋال چىداپ بولمايدىغان دەرىجىگە كەلمەك، دەرد-ئەلەم ئەڭ ئاخىرقى چېكىگە يەتمەك:[مىسال:]

  • چىداپ بولماس كالتەككە،

  • پىچاق يەتتى سۆڭەككە.

  • يەتمىگۈچە تۇرمايمىز

  • ئاخىر ئەركىن تىلەككە!

پىچاق سۈرمەك

  • پىچاق سۈرمەك[يەشمىسى:] بوغۇزلىماق، ئۆلتۈرمەك (قوي، كالا... قاتارلىق چارۋىلارغا نىسبەتەن).

پىچاققا يارىغۇدەك

  • پىچاققا يارىغۇدەك[يەشمىسى:] ئانچە ئورۇق ئەمەس، سويسا يامان ئەمەس گۆش چىقىدىغان (قوي-كالا قاتارلىق ماللار ھەققىدە).

پىچىقى كەسمەك

  • پىچىقى كەسمەك[يەشمىسى:] ھوقۇقىنى ئىشلەتمەك، گېپى ئۆتمەك:[مىسال:] ئەسقەر خىزمەتتىكى دادىللىقى، ئادىللىقى ۋە ماھىرلىقى بىلەن پىچىقى كېسىپ، جامائەتنىڭ ئارىسىدا نوپۇزى ئېشىپ بارماقتا ئىدى.

پىچاقچى

  • پىچاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مەخسۇس پىچاق سوقۇش ۋە سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھە دېگەندە باشقىلارغا پىچاق كۆتۈرىدىغان، ئۇرۇش-تالاش بولغاندا پىچاقنى قورال قىلىدىغان كىشى.

پىچاقچىلىق

  • پىچاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پىچاق سوقۇش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] ئەنۋەرنىڭ ئائىلىسى ئەزەلدىن پىچاقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② ھە دېگەندە باشقىلارغا پىچاق كۆتۈرۈش، ئۇرۇش-تالاش بولغاندا پىچاقنى قورال قىلىش ئادىتى، قىلىقى.

پىچاقلاشماق

  • پىچاقلاشماق[يەشمىسى:] «پىچاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] روزىخان ھەقىقەتەن يامان ئايال بولۇپ، ئۇ ۋاقتى كەلسە ئەرلەر بىلەن تەڭ مۇشتلىشىپ، تەڭ چېلىشىپ، پىچاقلىشىپ ھۆددىسىدىن چىقاتتى.

پىچاقلانماق

  • پىچاقلانماق[يەشمىسى:] «پىچاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئىشىكتە ئۆزى يالغۇز پوستتا تۇرغان قاراۋۇل قاراقچىلار تەرىپىدىن پىچاقلاندى.

پىچاقلىق

  • پىچاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىچىقى بار، پىچاق ئاسقان:[مىسال:] پىچاقلىق ئادەم.

پىچاقلىماق

  • پىچاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پىچاق سالماق، پىچاق تىقماق، پىچاق بىلەن جاراھەتلەندۈرمەك ياكى ئۆلتۈرمەك:[مىسال:] يېقىندا مۇشۇ مەھەللىدە ئىككى كىشى بىر-بىرىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈشتى.

پىچان

  • پىچان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① سازلىق ۋە شورتاڭ يەردە ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك:[مىسال:] پىچان ئورماق.[يەشمىسى:] ② تۇرپان ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيىنىڭ نامى.

پىچانگۈل

  • پىچانگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پىچان+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «پاقىچىغىرتمىقى»غا قاراڭ.

پىچانلىق

  • پىچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىچان بار يەر، پىچان كۆپ ئۆسكەن جاي:[مىسال:] مەردان قېلىن ئۆسكەن پىچانلىق ئىچىدىن ئاق بوز ئاتنى بولۇشىغا قويۇپ بېرىپ، چىنارنىڭ يېنىغا كەلدى.

پىچەكگۈل

  • پىچەكگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پىچەكگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تۈگۈنەك يىلتىزىدا كراخمال ۋە ئاقسىل بولىدۇ؛ دورا ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەپ، يۈرەككە مەنپەئەت قىلىش، خىلىت ھاسىل قىلىپ ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، ئېھتىلامنى تىزگىنلەش رولىغا ئىگە.

پىچماق

  • پىچماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كىيىم-كېچەك تىكىش ئۈچۈن رەختنى مەلۇم ئەندىزە ۋە ئۆلچەملەردە كەسمەك:[مىسال:] تون پىچماق. * ئۇ بۇ كېچە تالاي كىيىملەرنى پىچىپ، ئۆيلەرنى بېزەپ بولدى.[يەشمىسى:] ② كەسمەك، تىلماق، توغرىماق:[مىسال:] تاۋۇز پىچماق. قوغۇن پىچماق.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئەركەك مالنىڭ جىنسىي بېزىنى ئېلىۋەتمەك.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بەلگىلىمەك، بىر ھۆكۈمگە كەلمەك، كەسمەك (باھا، نەرخ، ئىش ھەققى ۋە شۇ قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] باھاسىنى پىچماق.

پىچۇرماق

  • پىچۇرماق[يەشمىسى:] «پىچماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پىچىر

  • پىچىر[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] سۆزلىگۈچى بىلەن ئاڭلىغۇچىنىڭ ئۆزلىرىلا ئاڭلاپ باشقىلار ئاڭلىيالمايدىغان پەس ئاۋاز:[مىسال:] قاراڭغۇدا بولۇڭدا «پىچىر» قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ قالدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شۇنداق ئېيتىلغان گەپ:[مىسال:] گەپنىڭ يامىنى پىچىر، ئاتنىڭ يامىنى قېچىر (ماقال).

پىچىر-پىچىر

  • پىچىر-پىچىر[يەشمىسى:] ① «پىچىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] «پىچىر-پىچىر» قىلىپ سۆزلىمەك.[يەشمىسى:] ② ئۆزئارا قىلىشقان خۇپىيانە گەپ-سۆز، سۆز-چۆچەك:[مىسال:] تۇرغۇن زاۋۇت ئىچىدىكى «پىچىر-پىچىر» لارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى.

پىچىرلاتماق

  • پىچىرلاتماق[يەشمىسى:] «پىچىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سۆزلە ئەي، ئىشقىم تاڭلىرىغا ئۆرلىگەن چولپان، پىچىرلىتىپ جىنەستىدەك لەۋلىرىڭنى سىر نېمىدە...

پىچىرلاشماق

  • پىچىرلاشماق[يەشمىسى:] «پىچىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارسىز بىر-بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ، «ئاسىم ئەپەندىم، ئاسىم ئەپەندىم...» دەپ بىلىنەرلىك ئاۋاز چىقىرىپ پىچىرلاشتى.

پىچىرلىماق

  • پىچىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باشقىلار ئاڭلىيالمايدىغان دەرىجىدە پەس ئاۋاز بىلەن گەپ قىلماق:[مىسال:] ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغان نىجات ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلايتتى.

پىچىشماق

  • پىچىشماق[يەشمىسى:] «پىچماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پىچىلماق

  • پىچىلماق[يەشمىسى:] «پىچماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كېڭەش بىلەن پىچىلغان تون قىسقا كەلمەس (ماقال).

پىچىم

  • پىچىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① رەختنىڭ كىيىمگە ئۆلچەپ كېسىلىشى؛ پاسون:[مىسال:] بۇ بۇشىمنىڭ پىچىمى ياخشى بوپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تاشقى كۆرۈنۈش، قەددى-قامەت:[مىسال:] پىچىمى كېلىشكەن يىگىت. * مەن ئۇ قىزنىڭ خۇش پىچىم قاملاشقان قامىتى، يېقىملىق مىجەزى، قول ھۈنەر، خىسلەت-پەزىلەتلىرىنى ئۈلگە، ئۆرنەككە لايىق قاملاشتۇرۇپ يارىتىپ قويغان تەبىئەتكە تەھسىن ئېيتىمەن.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] توختىتىلغان، بېكىتىلگەن باھا؛ نەرخ:[مىسال:] شەمسىدىن قورۇ-جاينىڭ پىچىمىنى ئاڭلاپ، ئۇجۇقۇپلا كەتتى.

پىچىمچى

  • پىچىمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخسۇس كىيىم-كېچەك لايىھىلەپ پىچىدىغان ئادەم؛ كېسىمچى:[مىسال:] سەيدىنقارى باش پىچىمچى ئۇستاملارغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

پىچىمچىلىق

  • پىچىمچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىم پىچىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] پىچىمچىلىق قىلماق.

پىخ

  • پىخ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① كۈلگەندە تاماقتىن پارتلاپ چىققان قىسقا بوغۇق تاۋۇش:[مىسال:] ئايشىگۈل «پىخ» قىلىپ كۈلدى.[يەشمىسى:] ② مۈشۈك ئۆز رەقىبىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن ھۈرپىيىپ تامىقىنى قىرىپ چىقارغان تاۋۇش:[مىسال:] مۆشۈكنىڭ «پىخ» قىلغان تاۋۇشىنى ئاڭلاپ، چۆچۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.

پىخ-پىخ

  • پىخ-پىخ[يەشمىسى:] «پىخ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] «پىخ-پىخ» قىلىپ كۈلمەك.

پىخسىق

  • پىخسىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىگە نەپ بەرمەيدىغان، بېخىل:[مىسال:] پىخسىق ئادەم.

پىخسىقلىق

  • پىخسىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىگە نەپ بەرمەسلىك ئادىتى، بېخىللىق.

پىخىلداتماق

  • پىخىلداتماق[يەشمىسى:] «پىخىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئانا بالىلىرىنى پىخىلدىتىپ كۈلدۈردى.

پىخىلداشماق

  • پىخىلداشماق[يەشمىسى:] «پىخىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىككى بالا پىخىلدىشىپ كۈلۈشكىنىچە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ھويلىغا چىقىپ كېتىشتى.

پىخىلدىماق

  • پىخىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پىخ-پىخ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] ئۇلار ئېغىر ياتقۇ مەھەلىگىچە بىر-بىرىنى غىدىقلىشىپ پىخىلداپ كۈلۈشتى.

پىدا

  • پىدا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر شەخس، ئىش-ھەرىكەت ياكى ئىدىيە ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش؛ قۇربان بېرىش:[مىسال:] «

  • ئانا يۇرتۇم بولسا ئامان،

  • رەڭگىرويىم بولماس سامان»،

  • قەلبىم سۆزى شۇكى مېنىڭ:

  • ۋەتەن ئۈچۈن پىدا بۇ جان[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

پىدا بولماق

  • پىدا بولماق[يەشمىسى:] بىرەر شەخس، ئىش-ھەرىكەت ياكى ئىدىيە ئۈچۈن جان بەرمەك، ئۆزىنى ئاتىماق:[مىسال:] سەن ئەگەر پىدا بولۇپ ئەل يولىدا بولساڭ شېھىت، ئارمىنىڭ بولماس جاھاندا، روھىڭ ئۆلمەس مەرد يىگىت.

پىدا قىلماق

  • پىدا قىلماق[يەشمىسى:] بىرەر شەخس، ئىش-ھەرىكەت ياكى ئىدىيە ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىماق؛ ئۆزىنى قۇربان قىلماق، ئۆزىنى ئاتىماق:[مىسال:] ئۇلار خەلق ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلدى.

پىداكار

  • پىداكار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر شەخس، ئىش-ھەرىكەت ياكى ئىدىيە يولىدا جېنىنى پىدا قىلىدىغان، ئۆزىنى ئاتايدىغان؛ چەكسىز ساداقەتمەن:[مىسال:] پىداكار جەڭچى. پىداكار كىشى.

پىداكارانە

  • پىداكارانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] جاننى پىدا قىلىپ، ئىنتايىن ساداقەت بىلەن، بېرىلىپ:[مىسال:] ئۇلارنىڭ پىداكارانە ئىشلىشىدىن تەسىرلەنگەن ئەتراپتىكى كىشىلەرمۇ ئوت ئۆچۈرۈشكە قاتناشتى.

پىداكارلىق

  • پىداكارلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزىنى پىدا قىلىش:[مىسال:] ئوغلىنىڭ پىداكارلىق روھى، كىچىك بولۇشىغا قارىماي ئېتىز ئىشلىرىدىكى پائالىيەتچانلىقى ئۇنى خۇشال قىلاتتى.[يەشمىسى:] ② ئۆزىدىن كېچىپ، بېرىلىپ ئىشلەش، پىدائىيلىق:[مىسال:] «ھاياتقا مۇھەببەت»تە شەخسنىڭ ئۆز ھاياتىدىن پىداكارلىق بىلەن كېچىشمەك يالقۇنلۇق يۈرىكى يۇشۇرۇنغان.

پىدالىق

  • پىدالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىداكارلىق، ساداقەتمەنلىك:[مىسال:] سەمەت ساڭا تۇيدۇرماي تۇرۇپ شۇنچىلىك جان پىدالىق قىلدىكى، مەن ئۇنى ساڭا سۆزلەپمۇ تۈگىتەلمەيمەن.

پىدائىي

  • پىدائىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر كىشى، ئىش-ھەرىكەت ياكى ئىدىيىگە سادىقلىق بىلەن بېرىلگەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن جاندىن كېچىشكە تەييار بولغان، پىداكار، سادىق:[مىسال:] دىلبەر يەرلىك پارتىزان پىدائىي يىگىتلەر بىلەن بىللە ياتالماسقا قاراپ ماڭدى.

پىدائىيلارچە

  • پىدائىيلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پىدائىيلارغا خاس، پىدائىيلارغا ئوخشاش، پىدائىيلاردەك:[مىسال:] دۈشمەن بىلەن پىدائىيلارچە ئۇرۇشماق.

پىدائىيلىق

  • پىدائىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر كىشى، ئىش-ھەرىكەت ياكى ئىدىيىگە سادىقلىق بىلەن بېرىلىش:[مىسال:] قولۇڭغا قورال چىقىپ قاپتۇ، سەنمۇ پىدائىيلىققا يېزىلدىڭمۇ نېمە-دەپ سورىدى رۇستەم قادىردىن.

پىدىگەن

  • پىدىگەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «چەيزە»گە قاراڭ.

پىرⅠ

  • پىرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن ئادەم، قېرى كىشى:[مىسال:] مەن چۈشۈمدە پىردەك چاچ ساقىلى ئاقارغان بىر كىشىنى كۆرۈپتىمەن.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ يېتەكچىسى، رەھبىرى:[مىسال:] ئابدۇرىشىتخان: ھەزرىتى پىرىمنىڭ خەيىرخاھلىقىغا تەشەككۈر دېدى.[يەشمىسى:] ③ بىرەر كەسىپنىڭ ئاساسچىسى ۋە ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى دەپ قارىلىدىغان كىشى:[مىسال:] ياغاچچىنىڭ پىرى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىش، كەسىپ ياكى ساھەنى ياخشى ئىگىلىگەن كىشى، شۇ ساھەدە ئەڭ ماھىر، ئۇستا ئادەم؛ ئۇستاز:[مىسال:] ئوينىماي ئولتۇرسام بىلمەمدىكىن دېمەڭ، تانسا دېگەننىڭ پىرى بىز دېدى نامەت.

پىرⅡ

  • پىرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] پىرقىرىغۇچ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئايلىنىشىدىن ۋە قۇشقاچ قاتارلىق كىچىك قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىدىن چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] سۇ قوشتىن ئىتتىك ئېقىپ چۈشۈشى بىلەن تەڭ تۈگمەننىڭ چاقپەلىكى «پىر» قىلىپ ئايلاندى.

پىراق

  • پىراق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئەڭ يېقىن، سۆيۈملۈك كىشى ۋە ئۆزى ئۈچۈن قەدىرلىك بولغان نەرسىدىن ئايرىلىش، ھىجران:[مىسال:] مىڭ پىراقىڭدىن بىر ئەلىمىڭ يامان (ماقال). * غۇلام كۈندۈزى پادىشاھقا خىزمەت قىلدى، كېچىسى ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىندىشىنىڭ پىراقىدا يىغلاپ بىر يىلنى ئۆتكۈزدى.

پىرامىدا

  • پىرامىدا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] كۆپ ياقلىقنىڭ بىر خىلى. ئۇ بىر دانە كۆپ تەرەپلىك بىلەن بىر چوققىغا ئىگە بولغان بىرقانچە ئۈچ بۇلۇڭلارنىڭ ئورىشى ئارقىلىق تۈزۈلىدۇ. ھەجمى، ئاساسىنىڭ يۈزى بىلەن ئېگىزلىكى كۆپەيتمىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭ كېلىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل شەكىلدىكى جىسىم.[يەشمىسى:] ③ قەدىمكى مىسىردا، پىرئونلارنىڭ شۇ خىل شەكىلدە ياسالغان تاش مەقبەرىسى؛ ئېھرام.

پىراۋەدى

  • پىراۋەدى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھەممە ئىشنى ئالاقويمايدىغان، يامان.

پىرەنىك

  • پىرەنىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئاق ئۇنغا ياغ، سۈت، تۇخۇم، ھەسەل ۋە شېكەر قاتارلىقلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ يۇغۇرۇلغان خېمىردىن ھەر خىل شەكىلدە تەييارلانغان، دۇخوپكىدا پىشۇرۇلىدىغان يېمەكلىك.

پىر-پىر

  • پىر-پىر[يەشمىسى:] «پىرⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:]

  • بوز تورغىيىم، بوز تورغاي،

  • ئەجەپ خۇشخۇي سايرايسەن، «

  • پىر-پىر» قىلىپ ھاۋادا،

  • موللاق ئېتىپ ئوينايسەن.

پىرت

  • پىرت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇق قاچىلانغان يۇمشاق قاپلىق نەرسىلەرنى ياكى سۇلۇق مېۋىلەرنى قاتتىق سىققاندا سۇيۇقلۇقنىڭ ئېتىلىپ چىقىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] سۇ ناسوسىدىن «پىرت» قىلىپ سۇ چىقتى.

پىرت-پىرت

  • پىرت-پىرت[يەشمىسى:] «پىرت» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] سۇ پۈركۈگۈچتىن «پىرت-پىرت» قىلىپ ئېتىلدى.

پىرتتىدە

  • پىرتتىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پىرت» قىلىپ ئاۋاز چىقارغان ھالدا:[مىسال:] پىرتتىدە يەل چىقماق.

پىرروتىت

  • پىرروتىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. خىمىيىۋى تەركىبى Fe1-Xs ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، X=2.0-0.1 ئالتە يانلىق كرىستال سىستېمىسىدا بولىدۇ. رەڭگى سېرىق، يوللىرى توق كۈل رەڭ، مېتال پارقىراقلىقىدا بولىدۇ؛ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 4.6 —4.5 قاتتىقلىقى 5.3-5.4 بولۇپ، چۈرۈك كېلىدۇ. توكنى ياخشى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ ھەر خىل تىپتىكى ئىچكى قىسىمدا ھاسىل بولىدىغان كان ياتمىلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ؛ گۈڭگۈرت تاۋلاشتا خام ئەشيا قىلىنىدۇ.

پىررول

  • پىررول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى C4H5N. رەڭسىز سۇيۇقلۇق، دورا ئىشلەشتە قوللىنىلىدۇ.

پىررىدە

  • پىررىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① «پىر» قىلغان ھالدا، «پىر» قىلىپ:[مىسال:] رەيھاننىڭ بېشى پىررىدە قىلىپ ئايلىنىپ، كۆزىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى.

پىرسەنت

  • پىرسەنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] 100 نى مەخرەج قىلغان كەسىر. ئادەتتە «%» بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن: [SX(]11[]001[SX)] ئادەتتە 11قىلىپ يېزىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② قەرز-ئامانەت ئىشلىرىدىكى ئۆسۈم:[مىسال:] بۇ يىل دېھقانلارغا تارقىتىلغان چارۋا سېتىۋېلىش قەرز پۇلىنىڭ پىرسەنتى بارمىكەن دەپ سورىدى رىشىت ئاكام.

پىرسەنتلەشتۈرمەك

  • پىرسەنتلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «پىرسەنتلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يۇقىرىدىن كەلگەنلەر كارخانىمىزنىڭ ئومۇمىي كىرىمىنى پىرسەنتلەشتۈرگەنىدى.

پىرسەنتلەشتۈرۈشمەك

  • پىرسەنتلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «پىرسەنلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پىرسەنتلەشتۈرۈلمەك

  • پىرسەنتلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «پىرسەنتلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] باغۋەنچىلىك مەيدانىنىڭ بۇلتۇرقى كىرىمى بىلەن بۇ يىلدىكى كىرىمى پىرسەنتلەشتۈرۈلدى.

پىرسەنتلەشمەك

  • پىرسەنتلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پىرسەنت بويىچە ھېسابلىماق، پىرسەنتكە سۇندۇرۇلماق.

پىرسەنتلىك

  • پىرسەنتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بەلگىلىك پىرسەنت قىممىتى بولغان، بەلگىلىك پىرسەنتكە ئىگە:[مىسال:] توقسان پىرسەنتلىك ئىسپىرتنى سۇ قوشماي ئىچىشكە بولمايدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] پىرسەنت بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، پىرسەنتكە ئائىت:[مىسال:] سانلارنىڭ پىرسەنتلىك نىسبىتى.

پىرغاي

  • پىرغاي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تولغىماچ؛ بۈدۈر.

پىرقە

  • پىرقە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ① كىشىلەر توپى، گۇرۇھ، گۇرۇپپا: [مىسال:]ئورۇس دېگەن بىر پىرقە بار ئوخشايدۇ، شۇ خەلق ئىلىخونى بېسىۋاپتۇ دەپ ئاڭلىدىم دېدى بوۋاي.[يەشمىسى:] ② پارتىيە:[مىسال:] مەن بارلىق پىرقە ئەزالىرىنى يىغىپ، جاھاننىڭ دۆڭ-چوڭقۇرلىرىنى تىڭ تىڭلاشتىن دوكلات ئالدىم.

پىرقىراتماق

  • پىرقىراتماق[يەشمىسى:] «پىرقىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ كەلگەن پېتى سۇنۇرنىڭ يوغان گەۋدىسىنى چىڭ قۇچاقلىدى-دە، كۆتۈرۈپ پىرقىراتتى.

پىرقىراشماق

  • پىرقىراشماق[يەشمىسى:] «پىرقىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مەرھۇمنىڭ تۇغقانلىرى بۇ دۇنيادىن بالدۇر كۆز يۇمغان مېيىت ئەتراپىدا زار-زار يىغلىشىپ پەرۋانىدەك پىرقىراشماقتا ئىدى.

پىرقىراتما

  • پىرقىراتما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «پىرقىرىما»غا قاراڭ:[مىسال:] بۇلار زالنىڭ پىرقىراتما ئىشىكىدىن ئۆتۈپ پەلەمپەي ئاستىدا توختىتىپ قويۇلغان، يېنىك ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇشتى.

پىرقىرىتىلماق

  • پىرقىرىتىلماق[يەشمىسى:] «پىرقىراتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پىرقىرىغۇچ

  • پىرقىرىغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قەغەزدىن ياسىلىدىغان، شامالغا قارشى يۈگۈرسە پىرقىرايدىغان بالىلار ئويۇنچۇقى.[يەشمىسى:] ② ئايروپىلان، ماتور، ئېلېكترلىك شامالچى قاتارلىقلارنىڭ پىرقىراپ ئايلىنىدىغان قاناتلىرى.[يەشمىسى:] ③ مۇز ئۈستىدە كىچىك بالىلار قامچا بىلەن ئۇرۇپ پىرقىرىتىپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇق؛ نۇر:[مىسال:] پىرقىرىغۇچ ئوينىماق.

پىرقىرىما

  • پىرقىرىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىرقىراپ ھەرىكەت قىلىدىغان، پىرقىراش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە:[مىسال:] كۇچا قىزىل مىڭئۆينىڭ 220-ئۆيىگە تاڭ دەۋرىدىكى پىرقىرىما ئۇسسۇلنىڭ رەڭلىك سۈرىتى سىزىلغان. ∥ سەمەت سۈيى قۇرۇپ ئۆڭتۈرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان پىرقىرىمىنىڭ يېنىغا كەلدى-دە، ئۇنىڭغا قاراپ ئۇلۇغ كىچىك بىر تىندى.

پىرقىرىماق

  • پىرقىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① جىسىم بىرەر نۇقتا ياكى ئۆز ئوقى ئەتراپىدا چەمبەر شەكلىدە چۆرگىلىمەك، ئايلانماق:[مىسال:] چاق پىرقىرىماق. چاقپەلەك پىرقىرىماق.[يەشمىسى:] ② قايماق، ئايلانماق (باش ھەققىدە):[مىسال:] -كىنوخانا ئالدىدىكى كىشىلەر سەل شالاڭلىغان بولۇپ بېشىم تېخىچە پىرقىراۋاتاتتى.

پىركامىل

  • پىركامىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىنىي جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن، يېتىشكەن، تولغان، پىر، ئۇستاز:[مىسال:] كەمپىر نەئىمىنىڭ ئانىسىغا يېلىنىپ: قىزىڭغا ئۇلۇغلارنىڭ، پىركامىللارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ بېرەي دەيمەن، دەپ ئانىسىنى ئالداپ قىزنى ئاچىقىپ كېتىپتۇ.

پىرمە

  • پىرمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «قاراغان»غا قاراڭ.

پىرئون

  • پىرئون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قەدىمكى مىسىر پادىشاھلىرىنىڭ نامى ۋە شاھلىق ئۇنۋانى.

پىروزا

  • پىروزا[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاۋا رەڭلىك، قىممەت باھالىق زىننەت بويۇمغا ئىشلىتىلىدىغان تاش.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھاۋا رەڭ:[مىسال:] پىروزا كۆز.

پىر-ئۇستاز

  • پىر-ئۇستاز[يەشمىسى:] پىر ۋە ئۇستاز:[مىسال:] سەيدۇللا موللا ھېكايىچىلىكنىڭ پىر-ئۇستازى ئىدى.

پىرىقⅠ

  • پىرىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] كۈلگەندە دىماغتىن چىقىدىغان ئۈزۈك-ئۈزۈك ئاۋاز:[مىسال:] زەيتۇنەم «پىرىق» قىلىپ كۈلدى.

پىرىقⅡ

  • پىرىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پوستى سولىشىپ، تەركىبىدىكى شىرنىسى تەمسىز سۇغا ئايلانغان (ئۈزۈم ھەققىدە):[مىسال:] پىرىق ئۈزۈم.

پىرىق-پىرىق

  • پىرىق-پىرىق[يەشمىسى:] «پىرىقⅠ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] پىرىق-پىرىق قىلىپ كۈلمەك.

پىرىلداتماق

  • پىرىلداتماق[يەشمىسى:] «پىرىلدىماق» سۆزىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كۈز پەسلى، كوچىدا بىرقانچە بالا پىرقىرىغۇچلىرىنى پىرىلدىتىپ ئويناپ يۈرەتتى.

پىرىلداشماق

  • پىرىلداشماق[يەشمىسى:] «پىرىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پىرىلدىماق

  • پىرىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پىر-پىر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] شامالدۇرغۇچ قانىتى پىرىلداپ چۆرگىلىدى.

پىژ

  • پىژ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] نەم نەرسىلەر ئوتتا كۆيگەندە چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] يېڭى كېسىلگەن ئۈجمە ياغىچى تونۇردا «پىژ» قىلىپ كۆيدى.

پىژ-پىژ

  • پىژ-پىژ[يەشمىسى:] ① «پىژ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] پىژ-پىژ قىلىپ كۆيمەك.[يەشمىسى:] ② كۆيدۈرگۈدەك ئىسسىق:[مىسال:] كارۋانلار قۇملۇق چۆللەرنى ئارىلاپ مېڭىپتۇ. ماڭغاندىمۇ مول مېڭىپتۇ. پىژ-پىژ ئاپتاپتا ئابدۇلنىڭ پېشانىسى كۆيۈپتۇ.

پىژغىرىم

  • پىژغىرىم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «پىژ» قىلىپ كۆيدۈرىدىغان:[مىسال:] پىژغىرىم ئاپتاپ. * تاشماق مۇشۇنداق پىژغىرىم ئىسسىقتا ئون نەچچە چاقىرىم يولنى بېسىپ باسىتنى ۋاقىپلاندۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنىدى.

پىژژىدە

  • پىژژىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پىژ» قىلغان ھالدا:[مىسال:] شۇ تاپتا ئەركىننىڭ قورسىقى يەنە پىژژىدە ئاچقاندەك بولدى.

پىژىلداتماق

  • پىژىلداتماق[يەشمىسى:] «پىژىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:]

  • جانان قىزلار كۈيلىشەتتى بۇلبۇل كەبى،

  • ئانارگۈلنىڭ شادلىقىنى يار-يار قىلىپ.

  • ئەتراپىدا ئايلىنىشقان يىگىتلەرنىڭ،

  • يۈرىكىگە پىژىلدىتىپ ئوتلار سېلىپ.

پىژىلداشماق

  • پىژىلداشماق[يەشمىسى:] «پىژىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پىژىلدىماق

  • پىژىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پىژ-پىژ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] كاۋاپدانلاردا پىژىلداپ پىشىۋاتقان كاۋاپلارنىڭ ئۆتكۈر پۇرىقى كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى غىدىقلايتتى.

پىس

  • پىس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] تار ھەم كىچىك تۆشۈكچىدىن ھاۋا، يەل، گاز چىققاندا ياكى چوغقا سۇ سېپىلگەندە ۋە شۇنداق ھاللاردا چىققان ئاۋاز:[مىسال:] ۋېلىسىپىتنىڭ «پىس» قىلىپ يېلى چىقىپ كەتتى.

پىسەنت

  • پىسەنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دىققەت، ئېتىبار، نەزەر، پەرۋا:[مىسال:] جاسارەتلىك ئەزىمەتلەر نە سوغۇق، نە ئۇيقۇسىزلىققا پىسەنت قىلمايتتى.

پىس-پىس

  • پىس-پىس[يەشمىسى:] «پىس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] بار ۋۇجۇدۇم ئەل ئۈچۈن تۇرسا قىزىپ يانماق بولۇپ، ئوت ئېلىپ يالقۇنلىماي، «پىس-پىس» قىلىپ قانداق تۈتەي.

پىستان

  • پىستان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئوق مىشىكىنىڭ كەينى قىسمىدىكى ئوت ئېلىش قۇرۇلمىسى:[مىسال:] پىستان چاقماق. * ئۇ ساقچىلار ئىشلىتىدىغان «54» تىپلىق يان قورال ئوقىنىڭ پىستىنى ئىدى.[يەشمىسى:] ② بەتىنكە قاتارلىق ئاياغ كىيىمنىڭ بوغقۇچ ئۆتكۈزىدىغان تۆشۈكىگە بېكىتىلىدىغان يۇمىلاق تۆشۈكلۈك بۇيۇم:[مىسال:] بەتىنكىگە پىستان بېكىتمەك.[يەشمىسى:] ③ كۆڭلەك، چاپان قاتارلىق كىيىملەرگە قادىلىپ تۈگمە ۋە پەتلە رولىنى ئوينايدىغان ئەركەك-چىشلىق بۇيۇم.

پىستانلىق

  • پىستانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىستىنى بار، پىستان ئورنىتىلغان:[مىسال:] ئۇ قۇربانغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ، پىستانلىق ئىخچام بەتىنكە كىيىۋالغان ئىككى پۇتىنى كۆرسەتتى.

پىستەⅠ

  • پىستەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① سىر دەرىخى ئائىلىسىدىكى ئېگىز ئۆسىدىغان چوڭ دەرەخ. مېغىزى دورا قىلىنىدۇ؛ بۆرەكنى ئىسسىتىپ، مۇسبەتلىككە ياردەم بېرىدۇ؛ ئىشتىھانى ئېچىپ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

پىستەⅡ

  • پىستەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئىتنىڭ بىر سورتى، تېنى كىچىك، تۈكلىرى ئۇزۇن، پۇتى قىسقا بولىدۇ، كىشىلەر تاماشا قىلىش ئۈچۈن باقىدۇ. «خورخور» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

پىستە-بادام

  • پىستە-بادام[يەشمىسى:] پىستە ۋە بادام.

پىستىرما

  • پىستىرما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] توساتتىن ھۇجۇم قىلىش ياكى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان يوشۇرۇن قۇرۇلما، جاي:[مىسال:] ئۇلار جىلغا ئىچىدە تاشلاردىن ئىستىھكام ياسىدى. ھامۇت باشچىلىقىدا ئالتە نەپەر جەڭچىنى پىستىرمىغا ئەۋەتتى. ∥ پىستىرما قوشۇن.

پىسسىدە

  • پىسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پىس» قىلىپ، «پىس» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ۋېلىسىپت «پىسسىدە» يەل قويۇۋەتتى.

پىسق

  • پىسق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدا قىلىنغان غەيۋەت.

پىسق-پاسات

  • پىسق-پاسات[يەشمىسى:] بىرەر كىشى توغرىسىدا تارقىتىلىدىغان ئويدۇرما گەپ، بوھتان:[مىسال:] ئارقامدىن دائىم پىسق-پاسات تارقىتىپ يۈرگىنىڭ يەتمەي، ئەمدى ئاشكارا زىيانكەشلىككە ئۆتكەن بولساڭ، بۇنىڭغىمۇ مەيلى، دېدىم مەن.

پىسق-پاساتچى

  • پىسق-پاساتچى[يەشمىسى:] پىسق-پاسات تارققاتقۇچى، تۆھمەتخور.

پىسىرⅠ

  • پىسىرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئاستا، سۇس قىلىنغان ھەرىكەتتىن چىققان پەس ئاۋاز.

پىسىرⅡ

  • پىسىرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئېزىلەڭگۈ، مىس-مىس.

پىسىر-پىسىر

  • پىسىر-پىسىر[يەشمىسى:] «پىسىرⅠ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] قوماندان بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئاغزىدا «پىسىر-پىسىر» قىلىپ بىر نېمىلەرنى ئوقۇدى.

پىسىرلاشماق

  • پىسىرلاشماق[يەشمىسى:] «پىسىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پىسىرلىماق

  • پىسىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بوش ئاۋاز چىقارماق؛ پىسىر-پىسىر سۆزلىمەك.

پىسىڭ

  • پىسىڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] يۇقىرى ئاۋاز چىقارماي، تەبەسسۇم بىلەن كۈلۈش ھالىتى:[مىسال:] ھاشىر ئاكام ئۇنى مەنسىتمىگەندەك «پىسىڭ» قىلىپ كۈلۈپ سۆزىنى باشلىدى.

پىسىڭ-پىسىڭ

  • پىسىڭ-پىسىڭ[يەشمىسى:] «پىسىڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] «پىسىڭ-پىسىڭ» قىلىپ كۈلمەك.

پىسىڭڭىدە

  • پىسىڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پىسىڭ» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئۇ ماڭا قاراپ پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدى.

پىسىلداتماق

  • پىسىلداتماق[يەشمىسى:] «پىسىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرى دەرىجىسى.

پىسىلداشماق

  • پىسىلداشماق[يەشمىسى:] «پىسىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قارلىغاچ بالىسى گويا قېرىندىشى ئۈچۈن قايغۇرۇۋاتقاندەك، باشلىرىنى پەسكە ساڭگىلاتقان ھالدا پىسىلدىشاتتى.

پىسىلداق

  • پىسىلداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىم-كېچەكلەرگە تۈگمە ئورنىدا ئورنىتىلىدىغان پىستان، پاسپاس.

پىسىلدىماق

  • پىسىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پىس-پىس» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] ۋېلىسىپىتنىڭ سۇغا چىلانغان ئىچ كامېرىدىن پىسىلداپ يەل چىقىۋاتاتتى.

پىسىنچا

  • پىسىنچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] گىرە، گىرەچە.

پىش

  • پىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] مۈشۈكنى چاقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

پىشا

  • پىشا[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مۈشۈكنى ھەيدىۋېتىشتە ئىشلىتىلىدۇ.

پىشاڭ

  • پىشاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ① بىر خىل ئاددىي مېخانىزم يەنى قوزغالماس نۇقتىنى ئوق قىلىپ ئايلىنىدىغان خادا. خادا ئايلانغاندا ئوق قىلىنغان نۇقتا تايىنىش نۇقتىسى بولىدۇ، كۈچنى ئاشۇرىدىغان نۇقتا كۈچ نۇقتىسى بولىدۇ، كۈچ ھاسىل قىلىدىغان نۇقتا ئېغىرلىق نۇقتىسى بولىدۇ؛ ئۈچ نۇقتىنىڭ ئىككى ئارىلىقىنىڭ نىسبەتەن قىممىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كۈچنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؛ پىشاڭنىڭ بۇ خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك مېخانىزملارنى ياسىغىلى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئېغىر نەرسىنىڭ ئاستىغا تىقىپ ئۇنى قوزغاش ياكى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كالتەك ياكى لوم تۆمۈر.

پىشاڭلىق

  • پىشاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پىشاڭى بار، پىشاڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.[يەشمىسى:] ② پىشاڭ بولۇشقا يارايدىغان، پىشاڭ بولىدىغان؛ پىشاڭغا ئوخشاش:[مىسال:] پىشاڭلىق ياغاچ. پىشاڭلىق لوم تۆمۈر. پىشاڭلىق رول.

پىش-پىش

  • پىش-پىش[يەشمىسى:] «پىش» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] مۈشۈك «پىش-پىش»دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپلا ئىشىكنىڭ بوسۇغىسىغا تۇمشۇقىنى سۈرتكىلى تۇردى.

پىششىدە

  • پىششىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پىش» قىلىپ، «پىش» قىلغان ھالدا.

پىششىق

  • پىششىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىشىپ يېتىلگەن، پىشقان (مېۋە-چېۋە ۋە دانلىق زىرائەتلەر ھەققىدە):[مىسال:] پىششىق تاۋۇز. * پەتتار بوۋاي، نەۋرىسى ئەكىرىپ بەرگەن پىششىق قوغۇننى كاسا قىلىپ ئىشتىھا بىلەن يەۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىشۇرۇلغان، خام ئەمەس، پىشقان:[مىسال:] پىششىق خىش. پىششىق گۆش.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى ھەرىكەتنى قىلىشقا ماھىر، ئۇستا:[مىسال:] ئۇ كەسىپتە پىششىق، سەۋىيىسىمۇ يۇقىرى، ئۇ خۇددى تۇپا ئاستىدا بېسىلىپ قالغان ئالتۇن، -دېدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پۇختا؛ مۇكەممەل؛ تولۇق؛ راۋان؛ ياخشى:[مىسال:] يېرىم سائەتتىن كېيىن بالىلار بۇ ناخشىنى خېلى پىششىق ئۆگىنىۋالدى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىپتىن-يىڭنىسگىچە، تەپسىلىي، تولۇق:[مىسال:] يېزا باشلىقى بۇ جاينىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدىغان دېھقانلار بىلەن يەنە بىر قېتىم سۆزلىشىپ چىقتى.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مول-ھوسۇللۇق، مۇنبەت:[مىسال:] پىششىق يەر.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارغا بىرنەرسە بەرمەيدىغان؛ بېخىل:[مىسال:] پىششىق ئادەم.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پۇختا، مۇستەھكەم، چىداملىق؛ ئوڭاي-ئاسان ئۈزۈلمەيدىغان، يىرتىلمايدىغان؛ بەك:[مىسال:] پىششىق رەخت، پىششىق ئارغامچا.[يەشمىسى:] ⑨ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئورۇنلۇق، مەزمۇنلىق:[مىسال:] سۆزنىڭ پىششىقى ياخشى، ئاشنىڭ ئىسسىقى ياخشى (ماقال).

پىششىقلاتماق

  • پىششىقلاتماق[يەشمىسى:] «پىششىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پىششىقلانماق

  • پىششىقلانماق[يەشمىسى:] «پىششىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:]

  • رۇستەم ئادەت بويىچە ئىشلەپ قاتتىق تاپشۇرۇق،

  • پىششىقلىنىپ دەرسى تاپتى كۆڭلى ئارام، زوق.

پىششىقلىق

  • پىششىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىششىق ھالەت:[مىسال:] زەينەپقىزنىڭ چىرايلىق بەستى، ئۆي ئىشلىرىغا شۇنچە پىششىقلىقى ئايسىخاننى سۆيۈندۈرۈۋەتتى.

پىششىقلىماق

  • پىششىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تەكرارلاش ۋە تولۇقلاش ئارقىلىق بىرەر ئىشنى، نەرسىنى پىششىق، پۇختا ئۆگەنمەك:[مىسال:] ئۇ بىر يىلدىن بۇيان مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ بالىلار كېسەللىكى بۆلۈمىدە ئىشلىدى، كەسپىنى پىششىقلىدى.[يەشمىسى:] ② ياخشى، مۇكەممەل ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] مۇھەررىر ماقالىنىڭ دەسلەپكى ئورىگىنالىنى تەھرىرلەش جەريانىدا ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلىدى.[يەشمىسى:] ③ چىڭىتماق، چىڭ، پۇختا ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] گىلەمنى پىششىقلىماق. كىگىزنى پىششىقلىماق.

پىششىقماق

  • پىششىقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بەك تورلىنىپ كەتكەنلىكتىن غۇژمەكلىشىپ تۈرۈلۈۋالماق (يىپ، ئارغامچا قاتارلىقلار ھەققىدە).

پىشقىن

  • پىشقىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاك.

پىشكە

  • پىشكە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئازراق، كىچىككىنە، بىرئاز.

پىشلاق

  • پىشلاق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۈتنى ئېچىتىپ تەييارلىنىدىغان يېمەكلىك:[مىسال:] ئۇ يەردىن ئۆتكەن ھەربىر يولۇچى ئۇ جاينىڭ قېتىقىنى ئىچەتتى ۋە پىشلىقىنى تېتىپ كۆرەتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سۈيى چىقىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] پىشلاق كۆز.

پىشماقⅠ

  • پىشماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۆسۈپ، راۋاجلىنىپ ئىستېمال قىلىشقا، ئىشلىتىلىشكە بولىدىغان، ياراملىق ھالغا كەلمەك؛ يېتىلمەك (مېۋە-چېۋە، دانلىق زىرائەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار ھەققىدە):[مىسال:] پىشقان قوغۇن ساپىقىدا تۇرماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② قورۇش، قاينىتىش، دۈملەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىستېمال ئۈچۈن تەييارلانماق:[مىسال:] تاماق پىشماق. * بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس، ئوچاق بېشىدىن چۈشمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا، ساھەگە تەجرىبىلىك بولۇپ يېتىلمەك:[مىسال:] كەسىپكە پىشماق.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چېنىقماق، تاۋلانماق:[مىسال:] بەختىيار سۆزلەۋېتىپ، ئەمگەكتە پىشقان قاتمال قوللىرى بىلەن سائادەتنىڭ پاختىدەك ئاق، يۇمشاق قوللىرىنى ئاستا تۇتتى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قارار قىلماق، بىرلىككە كەلمەك (مەسلىھەت ھەققىدە):[مىسال:] شۇ كېچىدە مەسلىھەت پىشتى، چېرىكلەر تاڭ ئاتقاندا جەڭگە ئاتلىنىشقا پەرمان بېرىلدى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېتىپ كەلمەك؛ ھازىرلانماق (ۋاقىت، پەيت، شەرت-شارائىت ھەققىدە):[مىسال:] شەرت-شارائىتى پىشماق.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سىڭىش بولۇپ قالماق، ئادەت بولماق (كۆزى ۋە قۇلاققا): كۆزى پىشماق. * بۇ گەپلەرنى تولا ئاڭلاپ، مېنىڭ قۇلىقىم پىشىپ قالدى.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چىڭدالماق، پىششىقلانماق:[مىسال:] كىگىز پىشتى. خىش ياخشى پىشتى.

پىشماقⅡ

  • پىشماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۇيۇقلۇققا چىلاپ ھۆل قىلماق، چۆمۈلدۈرمەك:[مىسال:] سۇغا پىشماق.

پىشۇرماق

  • پىشۇرماق[يەشمىسى:] «پىشماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەپەندىم بىر كۈنى بازاردىن گۆش ئەكەلسە، خوتۇنى ئۇنى پىشۇرۇپ يەۋېلىپ، ئەپەندىمگە:[مىسال:] ئىت يەپ كەتتى، دەپتۇ.

پىشۇرۇشماق

  • پىشۇرۇشماق[يەشمىسى:] «پىشۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ئىناق ئولتۇرۇپ مەسلىھەتنى پىشۇرۇشتى.

پىشۇرۇقلۇق

  • پىشۇرۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىشۇرۇپ قويۇلغان، پىشۇرۇلغان:[مىسال:] يۇمشاق نان، پىشۇرۇقلۇق توخۇممۇ بار، ئالامسىز، دەپ سورىدى.

پىشۇرۇلماق

  • پىشۇرۇلماق[يەشمىسى:] «پىشۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەپەندىم ئوردىدا ئولتۇرغىنىدا بىر كىشى پادىشاھقا پىشۇرۇلغان غازنى سوۋغا قىلىپتۇ.

پىشىشماق

  • پىشىشماق[يەشمىسى:] «پىشماقⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار قويلىرىنى سۇغا پىشىشتى.

پىشىلغاق

  • پىشىلغاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قولتۇق، تېقىم قاتارلىق جايلارنىڭ تەرلەش تۈپەيلىدىن تېرىنىڭ ياللۇغلىنىش ھادىسىسى.

پىشىلماق

  • پىشىلماق[يەشمىسى:] «پىشماقⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سۇغا پىشىلماق.

پىشىم

  • پىشىم[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] تەخمىنەن بىر قېتىم ئاش-تاماق ئېتىپ پىشۇرۇش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىتنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر يىگىت:[مىسال:] ئاللا كارامەت، خاسىيەت سىزمۇ بار ئىكەنسىز-ھە دېدى خۇشلۇقىنى بىلدۈرۈپ، مەن كەلگىلى بىر ئاش پىشىم بولاي دېدى.

پىغان

  • پىغان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قاتتىق خاپا بولۇش ۋە ئىچ پۇشۇقتىن كېلىپ چىققان نالە-پەرياد، ھەسرەت، دەرد-ئەلەم، يىغا:[مىسال:] پىغان چەكمەك.

  • * تۆكۈلۈپتۇ يامغۇردەك ئۇ كىشىنىڭ ياشلىرى.

  • 90پىغانىدىن ئېرىپتۇ ھەتتا تاغنىڭ تاشلىرى.

پىغانسىز

  • پىغانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىغانى يوق، پىغاندىن خالىي:[مىسال:]

  • سەن كۆرۈندۈڭ يانبۇلاق ئەينەك بولۇپ،

  • كۆرىمەن سادىرنى كۆرگەندەك بولۇپ.

  • مەن پىغانسىز ناخشا ئېيتسام ئالدىدا،

  • كەتتى يايراپ چېھرىسى گۈلدەك بولۇپ.

پىغانلىق

  • پىغانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەرد-ئەلەم، نالە-پەريادقا تولغان، پىغان چىقىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] پىغانلىق كۈنلەر. * نەي ساداسى شۇنچە پىغانلىق ۋە مۇڭلۇق، مۇھەببەت دەرياسىدەك دولقۇنلۇق ئىدى.

پىكاپ

  • پىكاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] كىچىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇ مەخسۇس ئادەم ئولتۇرۇش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن بولۇپ، يۈرۈشكە قۇلايلىق، يەڭگىل ۋە ياسىلىشى سىپتا كېلىدۇ.

پىكاپلىق

  • پىكاپلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىكاپتا ئولتۇرۇپ، پىكاپ بىلەن:[مىسال:] بىز قەشقەرگە پىكاپلىق باردۇق.

پىكرات

  • پىكرات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، تەركىبى ئۈچ نىتروفىنول؛ مولېكۇلا فورمۇلىسى . C6 H2 (NO2)3 OH. سېرىق رەڭلىك كرىستال؛ زەھەرلىك؛ قورۇتۇلغاندا ئاسانلا پارتلايدۇ، پارتلىغۇچى دورا ياكى سېرىق رەڭلىك بوياق ياساشتا قوللىنىلىدۇ، كۆپىنچە سېرىق رەڭلىك پارتلىغۇچى دورا دېيىلىدۇ.

پىكۇس

  • پىكۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۈجمە ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ. تېنىدە سۈتى بولۇپ، كاۋچۇك ئېلىنىدۇ؛ ئەسلىي ماكانى ھىندىستان؛ ئادەتتە تەشتەكتە بېقىلىدۇ.

پىكىر

  • پىكىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسە ياكى كىشى ھەققىدىكى ئوي-خىيال، مۇلاھىزە:[مىسال:] لەيلىگۈلنىڭ مېڭىسىدە «ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ» دېگەن دەھشەتلىك پىكىر لاۋۇلداپ يېنىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش ھەققىدە قىلىنىدىغان تەكلىب؛ مەسلىھەت:[مىسال:] رۇستەم دوستىنىڭ پىكرىگە قوشۇلدى، لېكىن شائىرنى بۇنىڭغا كۆندۈرۈش ئاسانغا چۈشمەيتتى.[يەشمىسى:] ③ بىرەر نەرسىگە ئېرىشىش، بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدىكى نىيەت، مەقسەت:[مىسال:] ئەركىن خەلچەمنىڭ كۆزىدىن چىققان ئىككى تامچە ياشنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى يەنە ئەيىبلەش پىكرىدىن قايتتى.[يەشمىسى:] ④ بىرەر نەرسە ئۈستىدە يۈرگۈزۈلگەن مۇلاھىزە نەتىجىسى؛ يەكۈن، خۇلاسە:[مىسال:] ئۇلار ئۇزۇن مۇزاكىرىلىشىپ ئاخىرى بىر پىكىرگە كەپتۇ.[يەشمىسى:] ⑤ چۈشەنچە، بىلىم؛ ئاڭ، ئەقىل:[مىسال:] پىكرى ئوچۇق. * ھەرقانداق ئادەم ئەقىل بىلەن پىكىرنى كىتابتىن شۇنداقلا ئەمەلىي تۇرمۇشتىن قوبۇل قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ دۇنيا قاراش، مەسلەك:[مىسال:] نېمە ئۈچۈن، ئەزىزىم، ئادەملەرگە يامان پىكىردە بولۇۋېرىسىز دېدى سادىر ھەيران بولۇپ.

پىكىر-تەلەپ

  • پىكىر-تەلەپ[يەشمىسى:] پىكىر ۋە تەلەپ:[مىسال:] بىز ئۇلارنىڭ قىسىم قۇرۇلۇشىغا بولغان پىكىر-تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ، بالىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردۇق.

پىكىر-خىيال

  • پىكىر-خىيال[يەشمىسى:] پىكىر ۋە خىيال:[مىسال:] ئامىنىخاننىڭ پىكىر-خىيالى ھازىر پەرزەنت كۆرۈشتىلا قالدى.

پىكىرداش

  • پىكىرداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر كىشى بىلەن بىر خىل پىكىردە، بىر مەسلەكتە بولغان كىشى؛ مەسلەكداش:[مىسال:] ئۇ پەيلاسوپ ئۆمەر ھەييام بىلەن زامانداش ۋە پىكىرداش شائىر ئىدى.

پىكىرداشلىق

  • پىكىرداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىكرى ئوخشاشلىق، پىكىردىكى بىردەكلىك.

پىكىرلەشمەك

  • پىكىرلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى نەرسە، ھادىسە ھەققىدە مۇئەييەن بىر خۇلاسىگە كېلىش ئۈچۈن مۇلاھىزە قىلىشماق، پىكىر يۈرگۈزۈشمەك؛ ئويلاشماق:[مىسال:] مەنسۇر بىلەن ئەكبەر ئالدىدا ئېچىقلىق تۇرغان خەت توغرىسىدا پىكىرلەشمەكتە ئىدى.

پىكىرلىك

  • پىكىرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئويلىيالايدىغان، ئەتراپلىق پىكىر قىلالايدىغان، چوڭقۇر مۇلاھىزىلىك:[مىسال:] ئىلغار پىكىرلىك ئادەم.

پىگمېنت

  • پىگمېنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھەر خىل جانلىق ئورگانىزملارنى تۈرلۈك رەڭگە كىرگۈزىدىغان ماددىلار. مەسىلەن:[مىسال:] قىزىلگۈلنىڭ قىزىل بويىقىغا ئوخشاش. بەزى پىگمېنتلار ھاياتلىق پائالىيىتىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسىلەن:[مىسال:] قاندىكى ھېموگلوبىن بەدەندە ئوكسىگېن توشۇش رولىنى ئوينايدۇ؛ ئۆسۈملۈكلەر تېنىدىكى خلوروفىل نۇر سىنتېزلەش رولىنى ئوينايدۇ.

پىگمېنتلىق

  • پىگمېنتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە پىگمېنت ماددىلىرى بولغان.

پىڭ

  • پىڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرنەرسىنىڭ تۆۋەندىن يۇقىرىغا تېز، يەڭگىل ئۆرلەپ چىقىش ھالىتى:[مىسال:] ئەخەتنىڭ ئۇرغان توپى «پىڭ» قىلىپ يۇقىرى ئۆرلىدى-دە، سىرتقا چىقىپ كەتتى.

پىڭ-پىڭ

  • پىڭ-پىڭ[يەشمىسى:] «پىڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئەمەت يىراقتىن دادىسىنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ «پىڭ-پىڭ» يۈگۈرگەن پېتى ئالدىغا باردى.

پىڭڭىدە

  • پىڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پىڭ» قىلغان ھالدا، ناھايىتى تېز:[مىسال:] ئۆمەر بىر توپ كىشىلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خۇددى سادىن ئۈركۈگەن چۆجىدەك پىڭڭىدە يۈگۈرۈپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.

پىڭىلداشماق

  • پىڭىلداشماق[يەشمىسى:] «پىڭىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاپرېلنىڭ ئاخىرى، يېزا بالىلىرى يالاڭ ئاياغ بولۇۋېلىپ، توپىلىق يەرلەردە پىڭىلدىشىپ يۈگۈرۈپ ۋەللەي ئوينىماقتا ئىدى.

پىڭىلدىماق

  • پىڭىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پىڭ-پىڭ» قىلغان ھالدا تېز ھەرىكەت قىلماق:[مىسال:] ئاتلىق كىشى بالىغا كۈلۈمسىرەپ قارىغانىدى، ئۇ بىردىنلا تونۇپ قالدى-دە، كەينىگە قاراپ پىڭىلداپ يۈگۈرگىنىچە ۋارقىرىدى.

پىلⅠ

  • پىلⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە>پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. مەملىكىتىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبى، ھىندىستان، ئافرىقا قاتارلىق ئىسسىق بەلۋاغ يەرلىرىدە ياشايدۇ.

پىلⅡ

  • پىلⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] چىراغنىڭ كۆيۈۋاتقان چاغدىكى ھالىتى:[مىسال:] چىراغپايدىكى قارا چىراغ «پىل» قىلىپ ئۆچۈپ قالدى.

پىلاتى

  • پىلاتى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بەدەننىڭ يۇقىرى قىسمىغا كىيىلىدىغان ئەستەرسىز يازلىق چاپان.

پىلان

  • پىلان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] خىزمەت ياكى ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئالدىن بېكىتىلگەن مەزمۇنى ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى:[مىسال:] تاغام ئۇنىڭ ئون يىللىق پىلانى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ خۇشاللىق كۈلكىسىنى باسالماي قالدى.

پىلانچان

  • پىلانچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىلان بىلەن ئىش قىلىدىغان:[مىسال:] يۈسۈپ ئاكام خىيالىغا كەلگەننى قىلىۋەرمەيدىغان، يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىدىغان، پىلانچان ئادەم.

پىلانچانلىق

  • پىلانچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىلان بىلەن ئىش قىلىش ۋە شۇنداق ئىش قىلىدىغان ئادەت:[مىسال:] پىلانچانلىقنى كۈچەيتىپ، بازارنى تەكشۈرۈش ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش ئىشىنى كۈچەيتىپ، قارىسىغا ئىش قىلىشنى تۈگىتىشىمىز لازىم.

پىلانچى

  • پىلانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىلان تۈزۈشكە ۋە كۆرسىتىشكە ئۇستا، ئېپى بار كىشى:[مىسال:] مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە كېۋىرئاخۇن ئىمام تولىمۇ پىلانچى بولىدىغان.

پىلانچىلىق

  • پىلانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىلان بىلەن ئىش قىلىش ھەرىكىتى:[مىسال:] بۇ ماختاشلارنى ئاڭلىغان ئىسھاق: ۋاي، ئۇنىڭ پىلانچىلىقىمۇ تايىنلىقكەن، دەپ ساتتارنىڭ گېپىگە لوقما سالدى.

پىلانسىز

  • پىلانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پىلان بىلەن ئىش قىلمايدىغان، پىلانى يوق:[مىسال:] پىلانسىز ئادەم. پىلانسىز بالا.[يەشمىسى:] ② پىلانغا ئاساسلانمىغان، ئالدىن پىلان قىلمىغان:[مىسال:] پىلانسىز ئىگىلىك. * پىلانسىز ئىش يوق ئىش (ماقال).

پىلانسىزلىق

  • پىلانسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىلان بىلەن ئىش قىلماسلىق، ئالدىن پىلان قىلماسلىق:[مىسال:] پىلانسىزلىقنى تۈگىتىش كېرەك.

پىلانلاتماق

  • پىلانلاتماق[يەشمىسى:] «پىلانلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سۇ ئامبارنىڭ قۇرۇلۇشىنى يولداش جۈمە تېخنىكلاغا پىلانلىتىپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بىرنەچچە يېزىلىق ھۆكۈمەتلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى.

پىلانلاشماق

  • پىلانلاشماق[يەشمىسى:] «پىلانلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كىچىك دوستلار ئەتە دەم ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ ياخشى ئىش قىلىشنى پىلانلاشتى.

پىلانلانماق

  • پىلانلانماق[يەشمىسى:] «پىلانلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يىل 350 مىڭ مو يەردە ئورمان بىنا قىلىش پىلانلاندى.

پىلانلىق

  • پىلانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىلانى بار، ئالدىن پىلانلاشتۇرۇلغان، مۇئەييەن تەرتىپلىك، قائىدىلىك:[مىسال:] پىلانلىق باشقۇرۇش. پىلانلىق تۇغۇت.

پىلانلىماق

  • پىلانلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر خىزمەت ياكى ئىش-ھەرىكەتنىڭ ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىن پىلانىنى تۈزۈپ چىقماق.

پىلە

  • پىلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پىلە قۇرتى چىقارغان مەھسۇلات يەنى مەشۈت.

پىلە قۇرتى

  • پىلە قۇرتى[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. لىچىنكىسى ئاقۇچ كۈل رەڭ بولىدۇ؛ ئۈجمە يوپۇرمىقىنى يەيدۇ، تۆت قېتىم تېرە تاشلايدۇ؛ مەشۈت چىقىرىپ غوزەك ھاسىل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە قۇرتقا ئايلىنىدۇ؛ قۇرتى پىلە پەرۋانىسى بولۇپ چىقىدۇ، پەرۋانىسى چېتىشىپ تۇخۇم سالغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. لىچىنكىنىڭ چىقارغان مەشۈتى توقۇمىچىلىقنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ.

پىلپىل

  • پىلپىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قارىمۇچ ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋە باشىقى تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىپ، سوغۇقتىن بولغان قورساق ئاغرىش، قۇسۇش، ئىچ سۈرۈشنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

پىل-پىل

  • پىل-پىل[يەشمىسى:] «پىلⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئاسماندا شالاڭ يۇلتۇزلار ئاندا-ساندا «پىل-پىل» كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

پىلپىلگۈل

  • پىلپىلگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پىلپىل+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پىياز ئائىلىسىدىكى كىچىك، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تەڭگىسىمان غولى دورا قىلىنىدۇ؛ ئىسسىقنى قايتۇرۇپ زەھەرنى تارقىتىش، ئىششىقنى ياندۇرۇپ، تۈگۈنچەكلەرنى تارقىتىش رولىغا ئىگە.

پىلتا

  • پىلتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① دوپپىنىڭ تۆپىلىكى بىلەن ئەستىرى ئارىسىغا ياكى تونلارنىڭ قىرىغا پىلىك شەكلىدە قىلىپ بېرىلىدىغان پاختا ياكى قەغەز.[يەشمىسى:] ② پارتلىتىش بومبىلىرىنىڭ ئوت ئېلىش نۇقتىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىنچىكە بوغقۇچ، يىپ:[مىسال:] پىلتىغا ئوت ياقماق.[يەشمىسى:] ③ سۇيۇقئاش، لەڭمەنگە ئوخشاش غىزالاردا، ئاۋۋال يوغانلىقى تەخمىنەن بارماقتەك قىلىپ، سىرتىغا سۇ مېيى سۈركەپ راسلىنىدىغان خېمىر:[مىسال:] خېمىرنى پىلتا قىلماق.

پىلتىكۈچ

  • پىلتىكۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پاختا ياكى پىلتىلارنى دوپپىنىڭ ئەستىرىنىڭ ئارىسىغا تىقىپ كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، دەستىلىك ئىنچىكە تۆمۈر چوكا:[مىسال:] تۆپە پىلتىكۈچ. كېزەك پىلتىگۈچ. * پىلتىكۈچ بىلەن دوپپىنىڭ كېزىكىگە پىلتا بەرمەك.[يەشمىسى:] ② قۇلاق كولاشتا ۋە بەدەنگە دورا سۈرتۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۇچىغا پاختا ئورالغان ياغاچ.

پىلتىڭ

  • پىلتىڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بېلىق قاتارلىقلارنىڭ يەڭگىل ھالدا سۇ يۈزىگە سىلكىنىپ چىقىش، شۇڭغۇش ھالىتى:[مىسال:] بېلىق پىلتىڭ قىلىپ سۇ ئۈستىگە سەكرەپ چىقتى.

پىلتىڭ-پىلتىڭ

  • پىلتىڭ-پىلتىڭ[يەشمىسى:] «پىلتىڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] بالا پىلتىڭ-پىلتىڭ قىلىپ ماڭدى.

پىلتىڭلاتماق

  • پىلتىڭلاتماق[يەشمىسى:] «پىلتىڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پىلتىڭلاشماق

  • پىلتىڭلاشماق[يەشمىسى:] «پىلتىڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] گايىت ئاكامنىڭ سېۋىتىدىكى كۆلدىن تۇتۇپ كېلىنگەن يوغان كارىپ بېلىقلار پىلتىڭلىشىپ، قۇيرۇقلىرىنى تولغىشىپ تۇراتتى.

پىلتىڭلىماق

  • پىلتىڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پىلتىڭ-پىلتىڭ» ھەرىكەت قىلماق:[مىسال:] سۈپۈرگە ئاكا قىپيالىڭاچ كەنجىتاينىڭ ئۆزىنىڭ كەينىدىن پىلتىڭلاپ ئەگىشىپ چىققىنىنى كۆرمىدى.

پىلتىڭڭىدە

  • پىلتىڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پىلتىڭ» قىلغان ھالدا، «پىلتىڭ» قىلىپ:[مىسال:] بېلىق پىلتىڭڭىدە سۇ ئۈستىگە ئۆرلىدى.

پىلتىلاتماق

  • پىلتىلاتماق[يەشمىسى:] «پىلتىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پىلتىلاشماق

  • پىلتىلاشماق[يەشمىسى:] «پىلتىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پىلتىلانماق

  • پىلتىلانماق[يەشمىسى:] «پىلتىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

پىلتىلىق

  • پىلتىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىلتىسى بار، پىلتا ئورنىتىلغان، پىلتا بېرىلگەن:[مىسال:] پىلتىلىق گرانات. پىلتىلىق دورا. پىلتىلىق مىلتىق.

پىلتىلىماق

  • پىلتىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پىلتا ھالىتىگە كەلتۈرمەك، پىلتا قىلماق:[مىسال:] مەريەمخان ئانا لەڭمەننىڭ خېمىرىنى پىلتىلاپ قويۇپ، سەينىمۇ قورۇپ بولدى.[يەشمىسى:] ② پىلتا ئورۇنلاشتۇرماق:[مىسال:] دۇپپىنى پىلتىلىماق.

پىلخانا

  • پىلخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] پىل بېقىشقا تەييارلانغان ئۆي:[مىسال:] پىل بىلەن دوست بولساڭ، پىلخاناڭنى راسلا (ماقال).

پىلدىر

  • پىلدىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] يەڭگىل، تېز ھەرىكەت قىلىش، ئايلىنىش ھالىتى.

پىلدىر-پىلدىر

  • پىلدىر-پىلدىر[يەشمىسى:] «پىلدىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] كېپىنەكخان، كېپىنەك، پىلدىر-پىلدىر ئۇچىسەن، پۇراپ قويۇپ بىر گۈلنى، باشقىسىنى قۇچىسەن.

پىلدىرلاتماق

  • پىلدىرلاتماق[يەشمىسى:] «پىلدىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] جاپپار قولىدىكى گۈلنى پىلدىرلىتىپ ئويناشقا باشلىدى.

پىلدىرلاشماق

  • پىلدىرلاشماق[يەشمىسى:] «پىلدىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قانات قېقىپ شوق تورغايلار پىلدىرلاشتى، قارلىغاچلار ئۇسسۇل ئويناپ ۋىچىرلاشتى.

پىلدىرلىغۇچ

  • پىلدىرلىغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شامال كۈچى بىلەن پىلدىرلاپ ئايلىنىدىغان، قەغەزدىن تەييارلىنىدىغان بالىلار ئويۇنچۇقى.

پىلدىرلىماق

  • پىلدىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تېز ھەرىكەت قىلماق، ئايلانماق:[مىسال:] گۈلزارلىقتا ئۇياندىن بۇ يانغا پىلدىرلاپ ئۇچۇپ يۈرۈپ ھېرىپ قالغان كېپىنەك ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن بىر تال قىزىلگۈل بەرگىگە قونۇۋالدى.

پىللىدە

  • پىللىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «پىل» قىلغان ھالدا، «پىل» قىلىپ:[مىسال:] چىراغ پىللىدە يېنىپ يەنە ئۆچتى.

پىلۇس

  • پىلۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] قوشۇش بەلگىسى (+) نىڭ نامى.

پىلىپاختا

  • پىلىپاختا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پىلە+پاختا[[يەشمىسى:] پىلە غوزىسىنى سۇدا پىشۇرۇپ يىپ چىقىرىۋالغاندىن كېيىنكى قېپقالغان قالدۇق قىسمى. سەيناخ.

پىلىتا

  • پىلىتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كۆمۈر قالايدىغان ئوچاقلارنىڭ ئۈستى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان، كۆپ ئېغىزلىق چويۇن قاپقاق:[مىسال:] ئۇ پىلىتىنىڭ كىچىك كۆزىنى ئېچىپ ئوچاققا كۆمۈر سېلىۋەتتى.

پىلىچەك

  • پىلىچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ماروژنى ئۇسىدىغان كىچىك ساپال كۇرۇشكا.

پىلىچى

  • پىلىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىلە بېقىش ۋە يېتىشتۈرۈش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى:[مىسال:] بىزنىڭ دادۈيگە ئۈچ نەپەر پىلىچى قىز چىقىدىكەن، -دېدى ئابدۇقادىر.

پىلىچىلىك

  • پىلىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىلە بېقىش ۋە يېتىشتۈرۈش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] پىلىچىلىك بىلەن شۇغۇللانماق.

پىلىخانا

  • پىلىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىلە باقىدىغان جاي، ئورۇن.

پىلىك

  • پىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ئۇچى چىراغنىڭ يېغىغا چىلىنىپ تۇرىدىغان، يەنە بىر ئۇچىغا ئوت يېقىلىدىغان، پاختىدىن ئېشىلگەن ياكى ماتادىن تىكىلگەن بۇيۇم:[مىسال:] چىراغ پىلىكى. شام پىلىكى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يۇمشاق، بوش، ياۋاش:[مىسال:] ئۇنىڭدىن غەم يېمە، دېدى زاھىر ماڭا، ئۇ 15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇشتىن چىققاندىن كېيىن پىلىك بولۇپ كەتتى.

پىلىكلىك

  • پىلىكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پىلىكى بار، پىلىك بىلەن يانىدىغان، پىلىك ئورنىتىلغان:[مىسال:] كارىدوردىكى ئون پىلىكلىك كىرسىن ئوچاققا ئېسىلغان قازاندىن سۇيۇقئاش سۈيىنىڭ مەززىلىك پۇرىقى بىنا ئىشىكى ئالدىدىن ئۈتۈۋاتقان تامچىلارنىڭ دېمىغىغا ئۇرۇلاتتى.[يەشمىسى:] ② پىلىك قىلىشقا بولىدىغان، پىلىك قىلىشقا ئىشلىتىدىغان:[مىسال:] پىلىكلىك پاختا. پىلىكلىك لاتا.

پىلىكئوت

  • پىلىكئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پىلىك+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يەر ئۈستى قىسمى دورا قىلىنىدۇ؛ تەبىئىيتى سوغۇق بولۇپ ئىسسىقنى قايتۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇش رولى بار، بۆرەككە پايدا قىلىدۇ، سۈيدۈكنى ماڭغۇزىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىن تېپىلىدۇ.

پىلىلداتماق

  • پىلىلداتماق[يەشمىسى:] «پىلىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

پىلىلداشماق

  • پىلىلداشماق[يەشمىسى:] «پىلىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

پىلىلدىماق

  • پىلىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «پىل-پىل» قىلماق:[مىسال:] سۈبھى كۆتۈرۈلۈپ، ئاسمان گۈمبىزىدە ئاخىرقى يۇلتۇزلا پىلىلدىماقتا ئىدى.

پىلىموت

  • پىلىموت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئاپتوماتىك ھالدا تېز ئېتىلىدىغان قوراللارنىڭ ئومۇمىي نامى.

پىلىموتچى

  • پىلىموتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىلىموت ئاتىدىغان، پىلىموت بىلەن قوراللانغان ئادەم.

پىلىموتچىلىق

  • پىلىموتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىلىموت ئېتىش ۋە رېمونت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى:[مىسال:] پىلىموتچىلىق قىلماق.

پىلىموتلۇق

  • پىلىموتلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىلىموتى بار، پىلىموت تۇتقان، پىلىموت ئاسقان:[مىسال:] پىلىموتلۇق ئىككى ئەسكەر يولدىن ئۇچقاندەك ئۆتۈپ ئۆزىنى تامنىڭ دالدىسىغا ئالدى.

پىنانⅠ

  • پىنانⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسىC10H18.خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق، نىئورگانىك كىسلاتا ۋە ئوكسىدلىغۇچىلار تەرىپىدىن ئاسانلىقچە پارچىلانمايدۇ.

پىنانⅡ

  • پىنانⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پاپورتنىكلارنىڭ بىر تۈرى، تېيىز سۇدا ئۆسىدۇ.

پىنە

  • پىنە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرىق دېنىنىڭ سىرتقى پوستى، قاسىرىقى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دان ئالالمىغان، پۈچەك:[مىسال:] پىنە شال.

پىنەك

  • پىنەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] نەشە:[مىسال:] ساقى، ھەي ئوغۇل بالىلار، پىنەك يوقمۇ، پىنەك بولسا يۆگەشمەمسەن، تارتىشىۋالايلى دېدى.

پىنتاڭ

  • پىنتاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] گۆشنى سۇڭپىياز قاتارلىق سەيلەر بىلەن قوشۇپ، سۇ قويۇلغاندىن كېيىن پىنتوزا سېلىپ پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل سۇيۇق تاماق.

پىنتوزا

  • پىنتوزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ماش، تاتلىقياڭيۇ قاتارلىق كراخماللاردىن سىمدەك ئىنچىكە قىلىپ تەييارلىنىدىغان، سەي قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان خام يېمەكلىك.

پىنجەك

  • پىنجەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئارىسىغا پاختا ياكى تېرە ئېلىنىدىغان، يېڭى ۋە ياقىسى يوق، قىسقا كىيىم؛جىلىتكە:[مىسال:] تۇرسۇن سوكنادىن تاشلانغان، بورسۇق تېرىسىدىن تىكىلگەن پىنجەك كىيىۋالغانىدى.

پىنجەكلىك

  • پىنجەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پىنجىكى بار، پىنجەك كىيگەن:[مىسال:] يولنىڭ ئۇ چېتىدە پىنجەكلىك بىر يىگىت بۇ ئىشلارغا ھەيران بولغىنىچە قاراپ تۇرماقتا.[يەشمىسى:] ② پىنجەك تىكىشكە يارايدىغان، پىنجەك بولىدىغان:[مىسال:] بىر پىنجەكلىك تېرە.

پىندەك

  • پىندەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاكار، پەتەك:[مىسال:] ئۇ ماڭا ئۆزىگە بوي تۇرقى تەڭ ياكى چوڭراق بالىلاردىن بىرەرنى بەلگىلىمەي، سىنىپ بويىچە ھەممىدىن كىچىك بىر «پىندەك» نى بەلگىلەپ قويۇشقانلىقىغا خاپا بولاتتى.

پىندىق

  • پىندىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① سوپۇن دەرىخى ئائىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. مېۋىسى يېشىل، يېيىشكە ۋە ياغ چىقىرىشقا بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

پىنگۋىن

  • پىنگۋىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]فرانسوزچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۇ قۇشى. ئانتاركتىكا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللاردا توپلىشىپ ياشايدۇ.

پىننە

  • پىننە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غول ۋە يوپۇرمىقى خۇشبۇي پۇرايدۇ؛ دورا قىلىنىدۇ، ئىسسىق ئۆتۈشنى، ھۆللۈكنى قايتۇرىدۇ، ئاشقازاننى ياخشىلاپ، قۇسۇشنى توختىتىدۇ.

پىننىلىك

  • پىننىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىننىسى بار، پىننە سېلىنغان.[يەشمىسى:] ② پىننە ئۆستۈرۈلگەن جاي، ئېتىز.

پىنھان

  • پىنھان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كىشىنىڭ نەزىرىدىن خالىي، كىشى نەزىرى ئاسان چۈشمەيدىغان، خىلۋەت، خالىي:[مىسال:] پىنھان جاي.[يەشمىسى:] ② يوشۇرۇن، مەخپىي:[مىسال:] قىز ماڭا قاراپ:[مىسال:] سەن بۇ يەردە كۆرگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى كىشىلەرگە ئېيتىپ يۈرمە دېدى. مەن: ئەلۋەتتە پىنھان تۇتىمەن دېدىم.

پىنھانلىق

  • پىنھانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يوشۇرۇن، مەخپىي ھالەت؛ خالىيلىق.

پىئونېر

  • پىئونېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] سوتسىيالىستىك مەملىكەتلەردە كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئۆسمۈرلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەربىر ئەزاسى.

پىئونېرلارچە

  • پىئونېرلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پىئونېرلارغا خاس، پىئونېرلاردا بولىدىغان، پىئونېرلاردەك:[مىسال:] ھەجەر ئامىنە مۇئەللىمگە پىئونېرلارچە سالام بەردى.

پىئونېرلىق

  • پىئونېرلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىئونېردا بولىدىغان، پىئونېردا بولۇشقا تېگىشلىك:[مىسال:] پىئونېرلىق بۇرچ. پىئونېرلىق سالاھىيەت.

پىۋا

  • پىۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئارپىغا ياۋا قۇلماق ياكى قۇلماق قوشۇپ، ئېچىتىپ ئىشلىنىدىغان بىر خىل ئىچىملىك. ئۇنىڭ كۆپۈكى ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدە بىر خىل پۇرىقى بولىدۇ؛ تەمى سەل قىرتاق، ئىسپىرت مىقدارى نىسبەتەن ئاز بولىدۇ:[مىسال:] پىۋا ئىچمەك.

پىۋىچى

  • پىۋىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىۋا ئىشلەپچىقىرىدىغان ياكى پىۋا سېتىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى.

پىۋىچىلىك

  • پىۋىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىۋا ئىشلەپچىقىرىش ياكى سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى.

پىۋىخانا

  • پىۋىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەخسۇس پىۋا ساتىدىغان ۋە كىشىلەر سېتىۋالغان پىۋىسىنى ئىچىدىغان دۇكان.

پىيادە

  • پىيادە[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قاتناش قورالىسىز، ئۇلاغسىز، ئۆز ئايىغى بىلەن، ياياق:[مىسال:] پىيادە يۈرمەك. * ئاتلىق يالغۇز ماڭغۇچە، پىيادە بىللە ماڭ (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆپلۈك قوشۇمچىسى بىللە كېلىپ قاتناش قورالىسىز، ئۇلاغسىز يول يۈرىدىغان كىشىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] پىيادىلەر يولى.

پىياز

  • پىياز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يوپۇرمىقى نەيچىسىمان ئۇزۇن ئۆسىدىغان، ئاساسلىق مېۋىسى يەر ئاستىدا قات-قات تۈگىنەك بولىدىغان، تۈگىنىكى ۋە ياش يوپۇرمىقى كۆكتات قىلىنىدىغان ئۆسۈملۈك.

پىيىزى پىشماسلىق

  • پىيىزى پىشماسلىق[يەشمىسى:] كېلىشەلمەسلىك، چىقىشالماسلىق، پېتىشالماسلىق.

پىيىزى گىچ-گىچ

  • پىيىزى گىچ-گىچ[يەشمىسى:] ئىككى خىيالدا، تازا پىشمىغان، ئارىسالدى ھالەتتە:[مىسال:] ھەي بۇ ئىشنىڭ پىيىزى گىچ-گىچ جۇمۇ، شۇڭا مەن تازا ئىشەنچ قىلالمايۋاتىمەن.

پىيازگۈل

  • پىيازگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پىياز+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «گۈلسامساق»قا قاراڭ.

پىيازلىق

  • پىيازلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىيىزى بار، پىياز تېرىلىدىغان:[مىسال:] پىيازلىق يەر.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] پىياز تېرىلىدىغان جاي، پىياز ئۆسكەن جاي:[مىسال:] پىيازلىقتىن بىر باغلام پىياز ئېلىپ چىقتىم.

پىيالە

  • پىيالە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] تۈۋىدىن يۇقىرىغا قاراپ كېڭەيگەن، قورسىقى كىچىك بولىدىغان كىچىك چىنە؛ چاي چىنىسى (ئاساسەن چاي ئىچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ).

پىيالىسىمان

  • پىيالىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىيالىدەك، پىيالىغا ئوخشايدىغان.

پىيىزەك

  • پىيىزەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قىياق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تۈگۈنەك غولىدا كراخمال بولىدۇ، ھاراق ئېچىتىشقا بولىدۇ؛ غولى قەغەز ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ تۈگۈنەك غولى دورا قىلىنىدۇ، قاننى ماڭغۇزۇپ خۇننى راۋان قىلىش، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش، يەلنى تارقىتىش رولىغا ئىگە.

پىيما

  • پىيما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] قوي يۇڭىدىن بېسىپ تەييارلىنىدىغان قونچلۇق قىشلىق ئاياغ كىيىمى:[مىسال:] پىيما باسماق. * مەن پۇتۇمدا يوغان پىيما، ئۇچامدا ئۇزۇن جۇۋا، يوتامغىچە قار كەچكەن ھالدا ئېغىر-ئېغىر قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتىمەن.

پىيمىچى

  • پىيمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىيما بېسىش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، پىيما بېسىشنى كەسىپ قىلغان ئادەم:[مىسال:] دولقۇن خېلى ئۇستا پىيمىچى، دەپ ئاڭلىدىم دېدى ئايشەم دولقۇنغا قاراپ كۈلۈپ.

پىيمىچىلىق

  • پىيمىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىيما بېسىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] ئەھمەدئاخۇننىڭ پىيمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغىنىغا توپتوغرا يىگىرمە يىل بولۇپ قالدى.

پىيمىلىق

  • پىيمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىيمىسى بار، پىيما كىيگەن:[مىسال:] پاكار چانىنى چاپتۇرۇپ كېتىۋاتقان پىيمىلىق كىشى قېتىپ كەتكەن ئايىغىنى ساڭگىلىتىپ ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتتى.